ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

32 ي 🔗

ي

ياⅠ

ياⅡ

يا ئاق ئەمەس يا كۆك ئەمەس

يا ئاق يا قارا قىلماق

يا ئاق يا كۆك دېمەسلىك

يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن

يا گۆش ئەمەس يا بەز ئەمەس

يا گۆش يا بەز قىلماق

يا ئۇنداق يا بۇنداق

يا ئۆلۈك ئەمەس يا تىرىك ئەمەس

يا ئۆلۈم يا كۆرۈم

ياⅢ

يا ئاللا

يابغۇ

ياپا

ياپال

ياپتا

ياپتۇرماق

ياپچان

ياپراق

ياپسار

ياپسار كەلمەك

ياپسارلاتماق

ياپسارلاشماق

ياپسارلانماق

ياپسارلىماق

ياپسال

ياپسۇن

ياپقاق

ياپقۇچ

ياپقۇچسىز

ياپقۇچلۇق

ياپماⅠ

ياپما قاپاق

ياپماⅡ

ياپماق

ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ

ياپمال

ياپمىسىغا

ياپون

ياپونچە

ياپىسىغا

ياپىلاق

ياپىلاقلاتماق

ياپىلاقلاشماق

ياپىلاقلانماق

ياپىلاقلىماق

يات

يات رەڭ

يات قىلىق

ياتاتۇڭ

ياتاق

ياتاق يارىسى

ياتاقخانا

ياتاقداش

ياتاقداشلىق

ياتاقسىز

ياتاقلاشماق

ياتاقلىق

ياتاڭ

ياتسىراتماق

ياتسىراشماق

ياتسىرىماق

ياتسىنماق

ياتقۇ

ياتقۇزماق

ياتقۇزۇلماق

ياتلاشتۇرماق

ياتلاشتۇرۇشماق

ياتلاشتۇرۇلماق

ياتلاشماق

ياتلىق

ياتلىق بولماق

ياتلىق قىلماق

ياتلىۋىلاڭ

ياتما

ياتما ئەمەن

ياتماق

يېتىپ يېمەك

يات-يوپۇر

ياچېيكا

ياچى

ياچىۋەك

ياخشى

ياخشى بولماق

ياخشى بولۇپ قالماق

ياخشى كۈن

ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا

ياخشىچاق

ياخشىچاقلىق

ياخشىسى

ياخشىلاشتۇرماق

ياخشىلاشتۇرۇشماق

ياخشىلاشتۇرۇلماق

ياخشىلاشماق

ياخشىلانماق

ياخشىلىق

ياخشىلىقچە

ياخشىلىماق

ياخشى-يامان

ياد

يادا

ياداتماق

ياداق

ياداڭ

ياداڭغۇ

ياداڭغۇلۇق

يادايچا

ياداي-چۇداي

يادرو

يادرو رېئاكسىيىسى

يادرو ئېنېرگىيىسى

يادروچاق

يادروسىز

يادروسىزلاندۇرماق

يادروسىزلاندۇرۇشماق

يادروسىزلاندۇرۇلماق

يادروسىزلانماق

يادرولۇق

يادلاتماق

يادلاشماق

يادلانماق

يادلىماق

يادنامە

يادىتاش

يادىچى

يادىكار

يادىكارلىق

يادىماق

يارⅠ

يار بولماق

يار قىلماق

يارⅡ

يار لېۋىگە بېرىپ قالماق

يارⅢ

يار بەرمەك

يارا

ياراتقۇچى

ياراتماقⅠ

ياراتماقⅡ

ياراشتۇرماقⅠ

ياراشتۇرماقⅡ

ياراشتۇرۇشماق

ياراشتۇرۇلماق

ياراشماقⅠ

ياراشماقⅡ

ياراغ

ياراغسىز

ياراغسىزلاندۇرماق

ياراغسىزلاندۇرۇشماق

ياراغسىزلاندۇرۇلماق

ياراغسىزلانماق

ياراغلىق

ياراغ-جابدۇق

ياراق

ياراقسىز

ياراقسىزلىق

ياراقلىق

يارالماق

يارام

يارامسىز

يارامسىزلىق

ياراملىق

يارانماق

يارايدۇ

يارەن

يار-بۇرادەر

يارتا

يارتىلاتماق

يارتىلاشماق

يارتىلانماق

يارتىلىماق

يار-جانان

يارچەن

يارداڭ

يارداڭلىق

ياردەم

ياردەمچى

ياردەمچى ئادۋۇكات

ياردەمچى ئاگرونوم

ياردەمچى بوغالتىر

ياردەمچى پېئىل

ياردەمچى تەتقىقاتچى

ياردەمچى تەرجىمان

ياردەمچى ترېنېر

ياردەمچى لېكتور

ياردەمچى مۇخبىر

ياردەمچى مۇھەررىر

ياردەمچى ئىنژېنېر

ياردەمچىلىك

ياردەمسىز

ياردەملەشتۈرمەك

ياردەملەشتۈرۈشمەك

ياردەملەشتۈرۈلمەك

ياردەملەشمەك

يار-دوست

يارسىز

يارغا

يارغۇزماق

يارغۇنچاق

يارقىن

يارقىنلىق

يارگۈل

يارلىقⅠ

يارلىقⅡ

يارلىقچى

يارلىقئوت

يارما Ⅰ

يارما ئاش

يارما پولۇ

يارما شاپتۇل

يارما ئۇلاق

يارماⅡ

يارماقⅠ

يارماقⅡ

يارماقچىلىك

يارماقسىز

يارماقگۈل

يارماقلىق

يارمىچى

يارمىچىلىق

يارمىداتماق

يارمىداشماق

يارمىدالماق

يارمىدىماق

ياروۋىزاتسىيە

يارىتىشماق

يارىتىلماق

يارىدار

يارىدارلىق

يارىشا

يارىشىرىق

يارىشىق

يارىشىقىدا

يارىشىملىق

يارىغۇسىز

يارىلاندۇرماق

يارىلانماق

يارىماس

يارىماسلىق

يارىماق

يارىيار

يار-يار

يار-يۆلەك

ياريېلىم

ياز

يازا

يازدۇرماق

يازغازىڭى

يازغۇچى

يازغۇچىلىق

يازغى

يازلىق

يازلىق كۈن-تۈن توختىشى

يازلىماق

يازما

يازماق

يازمۇياز

يازمىش

يازىچە

ياساتماق

ياساشتۇرماق

ياساشماق

ياساق

ياساقبېگى

ياساقچى

ياساقلىق

ياسالما

ياسالماق

ياسالمىلىق

ياسانچۇق

ياسانچۇقلۇق

ياساندۇرماق

ياساندۇرۇشماق

ياساندۇرۇلماق

ياسانماق

ياساۋۇل

ياساۋۇللۇق

ياستۇق

ياستۇقنى قىرلاپ ئۇخلىماق

ياستۇقنى قىرلاپ ياتماق

ياسىداق

ياسىداقلىق

ياسىغۇچى

ياسىما

ياسىماق

ياسىمىلىق

ياسىنىشماق

ياسىن

ياشⅠ

ياشⅡ

ياشⅢ

ياشاتماق

ياشارتماق

ياشارتىلماق

ياشارماق

ياشاشماق

ياشاڭغىراتماق

ياشاڭغىرىماق

ياشانماق

ياشسىز

ياش-قۇرام

ياش-قېرى

ياشلاشتۇرماق

ياشلاشماق

ياشلانماق

ياشلىقⅠ

ياشلىق قىلماق

ياشلىقⅡ

ياشلىقⅢ

ياشلىماق

ياشمان

ياشناتماق

ياشناشماق

ياشنىماق

ياشىرىشماق

ياشىماق

ياغ

ياغ پۇراتماق

ياغ تۆكۈلسە يالىغۇدەك

ياغ چاينىماق

ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك

ياغاچ

ياغاچ ئات

ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر

ياغاچ قۇلاق

ياغاچ ئوشتۇماق

ياغاچ-تاش

ياغاچچى

ياغاچچىلىق

ياغاچلاشماق

ياغاچلىق

ياغاق

ياغاقلاشماق

ياغچى

ياغچىلىق

ياغدۇرماق

ياغدۇرۇشماق

ياغدۇرۇلماق

ياغسىراتماق

ياغسىراشماق

ياغسىرىماق

ياغسىز

ياغلاتماق

ياغلار

ياغلاشماق

ياغلامچى

ياغلامچىلىق

ياغلانماق

ياغلىشاڭغۇ

ياغلىغۇ

ياغلىقⅠ

ياغلىقⅡ

ياغلىق قاپاق

ياغلىق ئوت

ياغلىق ئۆرۈك

ياغلىق ئۈچەي

ياغلىققارا

ياغلىقلىق

ياغلىما

ياغلىماق

ياغلىمىچى

ياغلىمىچىلىق

ياغلىمىلىق

ياغما

ياغماق

ياغى

ياغىلىق

ياقⅠ

ياقⅡ

ياقاⅠ

ياقاⅡ

ياقا تۇتۇشماق

ياقا سىقىشماق

ياقا يىرتماق

ياقىسىدا گۈلەڭگۈچ ئۇچماق

ياقىسىدىن ئالماق

ياقىسىنى چىشلىمەك

ياقاⅢ

ياقاڭلىماق

ياقا-ياۋان

ياقتۇرماقⅠ

ياقتۇرماقⅡ

ياقتۇرماقⅢ

ياقتۇرۇشماق

ياقلاتماق

ياقلاشماق

ياقلانماق

ياقلىغۇچى

ياقلىما

ياقلىماق

ياقلىمىلىق

ياقما

ياقماقⅠ

ياقماقⅡ

ياقماقⅢ

ياقۇتⅠ

ياقۇتⅡ

ياقۇتچە

ياقۇتلۇق

ياقىسىز

ياقىلاتماق

ياقىلاشماقⅠ

ياقىلاشماقⅡ

ياقىلىق

ياقىلىماق

ياقىماق

ياكسا

ياكور

ياكى

ياڭاقⅠ

ياڭاقⅡ

ياڭاقلىق

ياڭپايلى

ياڭتاۋ

ياڭراتقۇ

ياڭراتماق

ياڭراشماق

ياڭراق

ياڭراقلىق

ياڭرىماق

ياڭزا

ياڭزا-ياڭزا

ياڭزىمۇياڭزا

ياڭسۇڭ

ياڭشىماق

ياڭيۇ

ياڭيۇگۈل

يال

يالا

يالاتماق

يالاشماقⅠ

يالاشماقⅡ

يالاق

يالىقىنى يالىماق

يالاقچى

يالاقچىلىق

يالاڭⅠ

يالاڭⅡ

يالاڭ ئاياغ

يالاڭ تورنىك

يالاڭ تىرناق

يالاڭغىداق

يالاڭقات

يالاڭلىق

يالاڭلىماق

يالاڭۋاش

يالاڭۋاشتاق

يالاندى

يالانماقⅠ

يالانماقⅡ

يالپاق

يالپاقلاتماق

يالپاقلاشماق

يالپاقلانماق

يالپاقلىماق

يالپۇز

يالپۇزلۇق

يالت

يالتايتماق

يالتايغاق

يالتايماق

يالتتىدە

يالتىراتماق

يالتىراشماق

يالتىراق

يالتىرىغاق

يالتىرىماق

يالتىيىشماق

يالت-يۇلت

يالجا

يالجىتماق

يالجىشماق

يالجىماقⅠ

يالجىماقⅡ

يالدىماق

يالغان

يالغانچى

يالغانچىلىق

يالغاندىن

يالغان-ياۋىداق

يالغۇز

يالغۇزەكⅠ

يالغۇزەكⅡ

يالغۇزچىلىق

يالغۇزدىن-يالغۇز

يالغۇزسىراتماق

يالغۇزسىرىماق

يالغۇزلۇق

يالقاۋ

يالقاۋلاشتۇرماق

يالقاۋلاشماق

يالقاۋلىق

يالقۇن

يالقۇنجاتماق

يالقۇنجىماق

يالقۇنلاتماق

يالقۇنلانماق

يالقۇنلۇق

يالقۇنلىماق

ياللاتماق

ياللاشماق

ياللانما

ياللانماق

ياللانمىلىق

ياللۇغ

ياللۇغلانماق

ياللىغۇچى

ياللىق

ياللىماق

يالماتماق

يالماشماق

يالمان

يالمانچى

يالمانقۇلاق

يالمانلىق

يالماۋۇز

يالماۋۇزلارچە

يالمىماق

يالۋۇرتماق

يالۋۇرماق

يالۋۇرۇشماق

يالىتىلماق

يالىچى

يالىخور

يالىخورلۇق

يالىڭاچ

يالىڭاچلاتماق

يالىڭاچلاشماق

يالىڭاچلانماق

يالىڭاچلىماق

يالىلداتماق

يالىلداشماق

يالىلدىماق

يالىماقⅠ

يالىماقⅡ(يا: لىماق)

يال-يال

يام

ياماپ-تۆشەپ

ياماپ-تۆمەپ

ياماتماق

ياماشتۇرماق

ياماشتۇرۇشماق

ياماشماقⅠ

ياماشماقⅡ(يا:ماشماق)

ياماق

ياماقچە

ياماقچى

ياماقچىلىق

ياماقلىق

يامالماق

ياماق-چۈمەك

يامان

يامانلاتماق

يامانلاشتۇرماق

يامانلاشماق

يامانلاق

يامانلاقلىق

يامانلىق

يامانلىقچە

يامانلىماق

يامبۇ

يامبۇلۇق

يامچاق

يامداق

يامدىماق

يامراتماق

يامراشماق

يامرىماق

يامزال

يامغۇر

يامغۇرسىراشماق

يامغۇرسىرىماق

يامغۇرلۇق

يامغۇر-يېشىن

يامغۇر-يېشىنلىق

يامۇل

يامۇل بېگى

يامىماق

يامىنى

يان

يېنى بوش

يېنى توم

يېنى چىڭ

يېنىنى توملىماق

يانار

يانباغ

يانباغىر

يانباغىرلىماق

يانپاش

يانپاشقا ئالماق

يانپاشقا چىقماق

يانپاشلاتماق

يانپاشلاشماق

يانپاشلانماق

يانپاشلىماق

يانپاي

يانپەن

يانپۇچاق

يانتاقچى

يانتاقشېكىرى

يانتاقلىق

يانتاياق

يانتاياقلىق

يانتايتماق

يانتايماق

يانتوقا

يانتوقىلىق

يانتۇ

يانتۇق

يانتۇلاشماق

يانتۇلۇق

يانتىيىشماق

يانجىتماق

يانجىشماق

يانجىلماق

يانجىماق

يانچە

يانچە-قىرىچە

يانچە-قىرىچە تەگمەك

يانچۇق

يانچۇقىغا سالماق

يانچۇقچى

يانچۇقچىلىق

يانچۇقلۇق

يانچى

يانچىدار

يانداتماق

يانداش

يانداش ئامبال

يانداش قۇربېشى

يانداشتۇرماق

يانداشماق

يانداق

يانداقچى

يانداقچىلىق

ياندالماق

ياندۇرقى

ياندۇرماقⅠ

ياندۇرماقⅡ

ياندۇرمىلاتماق

ياندۇرمىلاشماق

ياندۇرمىلانماق

ياندۇرمىلىماق

ياندۇرۇشماقⅠ

ياندۇرۇشماقⅡ

ياندۇرۇق

ياندۇرۇقلۇق

ياندۇرۇلماقⅠ

ياندۇرۇلماقⅡ

ياندىما

ياندىماق

يانغاق

يانغىن

يانقارماق

يانماقⅠ

يانماقⅡ

يانمۇيان

يانۋار

ياۋ

ياۋا

ياۋا كەپتەر

ياۋاش

ياۋاشلاتماق

ياۋاشلاشماق

ياۋاشلانماق

ياۋاشلىق

ياۋاشلىماق

ياۋاش-يۇمشاق

ياۋان

ياۋايى

ياۋايىلاشماق

ياۋايىلىق

ياۋچى

ياۋچىلار

ياۋروپا

ياۋروپالاشتۇرماق

ياۋروپالاشماق

ياۋروپالىق

ياۋزۇ

ياۋزۇچە

ياۋۇز

ياۋۇزلارچە

ياۋۇزلاشماق

ياۋۇزلۇق

ياۋىداق

ياۋىلاشماق

ياي

ياياق

يايپاڭ

يايداڭ

يايدۇرماق

يايراتماق

يايراشماق

يايرىماق

يايسىمان

يايلاتماق

يايلاشماق

يايلاق

يايلاقچىلىق

يايلىق

يايلىماق

يايما

يايما قاق

يايماق

يايمىچى

يايمىكەش

يايمىكەشلىك

يايى

يەپ-ئىچىپ

يەتتە

يەتتە ئەزا

يەتتە ئەزاسى پۈتۈن

يەتتە تاغنىڭ نېرىسى

يەتتە خۇپتەن

يەتتىقاراقچى

يەتتە نەزىر

يەتتە ئىقلىم

يەتتەيلەن

يەتتىلىك

يەتتىنچى

يەتتىنچى ئاي

يەتتىنچى جۇ

يەتكۈزمەك

يەتكۈزۈشمەك

يەتكۈزۈلمەك

يەتمەك

يەتمىش

يەتمىش پۇشتى

يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك

يەتمىشىنچى

يەجۈج

يەجۈج-مەجۈج

يەر

يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار

يەر بىلەن يەكسان

يەر تەۋرەش

يەر تەۋرەش بەلۋېغى

يەر شارى

يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى

يەر قىلماق

يەرگە قارىماق

يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماق

يەرگە ئۇرماق

يەر ياڭىقى

يەر يۇتقۇر

يەر يېغى

يەر-ئاسمان

يەر-ئاي

يەر-ئاي سىستېمسى

يەرتوزغىقى

يەر-جاھان

يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەك

يەردە

يەر-زېمىن

يەر-زېمىنلىق

يەر-سۇ

يەرسىرەشمەك

يەرسىرىمەك

يەرقان

يەرلەشتۈرمەك

يەرلەشتۈرۈشمەك

يەرلەشتۈرۈلمەك

يەرلەشمەك

يەرلەنمەك

يەرلىكⅠ

يەرلىك ۋاقىت

يەرلىك ئىقلىم

يەرلىكⅡ

يەرلىك-سۇلۇق

يەرلىكلەشتۈرمەك

يەرلىكلەشتۈرۈلمەك

يەرلىكلەشمەك

يەرمەنكە

يەر-مۈلۈك

يەرۇجاھان

يەرۇكۆك

يەريولۋىسى

يەسلى

يەسىمەن

يەشتۈرمەك

يەشكۈچ

يەشمەⅠ

يەشمەⅡ

يەشمەك

يەشىك

يەك

يەكپاي

يەكتا

يەكتەك

يەكتىز

يەكتىزلەنمەك

يەكچەشمە

يەكدىل

يەكدىللىق

يەكسان

يەكشا

يەكشەنبە

يەكشەنبىلىك

يەككە

يەككە-يېگانە

يەككىلەنمەك

يەككىلىك

يەكلەشمەك

يەكلەنمەك

يەكلىمەك

يەكلىمىچىلىك

يەكمۇيەك

يەكۈن

يەكۈنلەتمەك

يەكۈنلەشمەك

يەكۈنلەنمەك

يەكۈنلىمەك

يەڭ

يەڭ سودىسى

يەڭ ئىچىدە كېلىشمەك

يەڭ ئىچىدە سودىلاشماق

يەڭدىمەك

يەڭڭە

يەڭگۈشلەتمەك

يەڭگۈشلەشمەك

يەڭگۈشلەنمەك

يەڭگۈشلىمەك

يەڭگىتمەك

يەڭگىل

يەڭگىلتەك

يەڭگىلتەكلىك

يەڭگىللەتمەك

يەڭگىللەشتۈرمەك

يەڭگىللەشتۈرۈلمەك

يەڭگىللەشمەك

يەڭگىللىتىلمەك

يەڭگىللىك

يەڭگىللىمەك

يەڭگىلىك

يەڭگىمەك

يەڭلىغ

يەڭلىك

يەڭمەك

يەل

يەل بەرمەك

يەل تاپان

يەل كىندىك

يېلى چىقىپ كەتمەك

يەلپۈتمەك

يەلپۈشمەك

يەلپۈگۈچ

يەلپۈلدەتمەك

يەلپۈلدەشمەك

يەلپۈلدىمەك

يەلپۈمەك

يەلپۈنمەك

يەلتاشما

يەلكە

يەلكەن

يەلكەنلىك

يەلكۇ

يەلكىلىك

يەللىك

يەليارا

يەل-يېمىش

يەم

يەم بولماق

يەم قىلماق

يەمەك

يەمەن

يەمتۈك

يەمچۈك

يەم-خەشەك

يەملەتمەك

يەملەشمەك

يەملەنمەك

يەملىك

يەملىمەك

يەنە

يەنە دېسە، يەنە شۇ

يەنە كېلىپ

يەنجە

يەنسۇق

يەنى

يەنىلا

يەنىمۇ

يەھ-يەھ

يەھۇدىي

يەھۇدىي دىنى

يەھۇدىيچە

يوبدان

يوبىلېي

يوپكا

يوپكىلىق

يوپۇتماق

يوپۇتۇشماق

يوپۇتۇلماق

يوپۇرا

يوپۇرغا

يوپۇرماقⅠ

يوپۇرماق رېتى

يوپۇرماقⅡ

يوپۇرماقلىق

يوپۇرماقلىماق

يوپۇرۇشماق

يوپۇرۇلماق

يوپۇق

يوپۇقلۇق

يوتا

يوتقان

يوتقاننىڭ تېشىدىن بولغان

يوتقان-كۆرپە

يوتقانلىق

يوتۇقⅠ

يۇتۇقⅡ

يوتۇقماق

يوچۇق

يوچۇق قالدۇرماسلىق

يوچۇن

يوخشىماق

يود

يودا

يودوفورم

يودىماق

يورتماق

يورغا

يورغىلاتماق

يورغىلاشماق

يورغىلىماق

يورۇتقۇچ

يورۇتماق

يورۇتۇشماق

يورۇتۇلماق

يورۇق

يورۇقپەرەس

يورۇقپەرەسلىك

يورۇقچىلىق

يورۇقلاشماق

يورۇقلۇق

يورۇقلۇق يىلى

يورۇماق

يوسۇن

يوسۇندا

يوسۇن-قائىدە

يوسۇنلۇق

يوشۇرغۇزماق

يوشۇرماق

يوشۇرۇشماق

يوشۇرۇقلۇق

يوشۇرۇلماق

يوشۇرۇن

يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش

يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى

يوشۇرۇنچە

يوشۇرۇنماق

يوغا

يوغا تام

يوغا تامغا مىنمەك

يوغان

يوغان باش

يوغان بەل

يوغانچى

يوغانچىلىق

يوغانلىق

يوغان-يالتا

يوغىناتماق

يوغىناشماق

يوغىنىتىلماق

يوغىنىماق

يوغىناپ كەتمەك

يوق

يوق دېيەرلىك

يوق گەپ

يوقنىڭ ئورنىدا

يوق يەردىن پۇتاق چىقارماق

يوقاتماق

يوقاشماق

يوقالماق

يوقسۇ

يوقسۇز

يوقسۇزچىلىق

يوقسۇزلۇق

يوقسۇل

يوقسۇللۇق

يوقسىنماق

يوقلاتماق

يوقلاشماق

يوقلانماق

يوقلۇق

يوقلىما

يوقلىماق

يوقىلاڭ

يوقىماق

يول

يول بولسۇن

يولدىن ئاداشماق

يولدىن چىقماق

يولغا چۈشمەك

يولغا سالماق

يولغا قويماق

يول ئوچۇق

يولى بار

يولى ئوچۇق

يولاتماق

يولاشماق

يولباشچى

يولباشچىلىق

يولباشلىغۇچى

يولداش

يولداشلارچە

يولداشلىق

يولسىز

يولسىزلارچە

يولسىزلىق

يوللاتماق

يوللاشماق

يوللانما

يوللانماق

يوللۇق

يوللىماق

يولۇچى

يولۇقتۇرماق

يولۇقماق

يولۇقۇشماق

يولۋاس

يولىماق

يوليورۇق

يول-يول

يوناق

يونۇتماق

يونۇشماق

يونۇق

يونۇقلۇق

يونۇلماق

يونۇماق

يوھا

يۇپقا

يۇپۇڭ

يۇپۇڭ-يالاڭ

يۇپىتېر

يۇتازا

يۇتقۇزماق

يۇتقۇلۇق

يۇتقۇنچاق

يۇتما

يۇتماق

يۇتۇشماق

يۇتۇلماق

يۇتۇم

يۇدۇرماق

يۇدى-يۇقى

يۇرا

يۇرا دەۋرى

يۇرا سىستېمىسى

يۇرت

يۇرت-جامائەت

يۇرتچىلىق

يۇرتدارچىلىق

يۇرتداش

يۇرتداشلىق

يۇرتلۇق

يۇرت-ماكان

يۇرتمۇيۇرت

يۇرتۋاز

يۇرتۋازلىق

يۇرچى

يۇرۇن

يۇغۇچⅠ

يۇغۇچⅡ

يۇغۇر

يۇغۇر تىلى

يۇغۇرتماق

يۇغۇرچە

يوغۇرماق

يۇغۇرۇشماق

يۇغۇرۇلما

يۇغۇرۇلماق

يۇغۇزماق

يۇق

يۇقتۇرماق

يۇقتۇرۇلماق

يۇققاق

يۇقما

يۇقماق

يۇقۇشلۇق

يۇقۇشماق

يۇقۇمچان

يۇقۇمچانلىق

يۇقۇمسىز

يۇقۇمسىزلاندۇرماق

يۇقۇمسىزلانماق

يۇقۇملاندۇرماق

يۇقۇملاندۇرۇلماق

يۇقۇملانماق

يۇقۇملۇق

يۇقۇندى

يۇقىرى

يۇقىرى پالاتا

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

يۇقىرىغا ياماشماق

يۇقىرى ئۆرلىمەك

يۇقىرى-تۆۋەن

يۇقىرىقى

يۇقىرىلاتماق

يۇقىرىلاشماق

يۇقىرىلىق

يۇقىرىلىماق

يۇڭ

يۇڭ توقماق

يۇڭداتماق

يۇڭداشماق

يۇڭدالماق

يۇڭدىماق

يۇڭسىز

يۇڭلۇق

يۇڭۇزلىماق

يۇلتۇز

يۇلتۇز سانىماق

يۇلتۇز ئۆي

يۇلتۇزى بىر

يۇلتۇزى ئۆچمەك

يۇلتۇزگۈل

يۇلتۇزلۇق

يۇلدۇرماق

يۇلغۇن

يۇلغۇن چېچىكى رەڭ

يۇلغۇن مېۋىسى

يۇلغۇنلۇق

يۇلقۇنماق

يۇلقۇنۇشماق

يۇلماق

يۇلۇشماق

يۇلۇن

يۇلۇنماق

يۇماق

يۇمچاقلىماق

يۇمدۇرماق

يۇمران

يۇمرانلاشماق

يۇمشاتماق

يۇمشاشماق

يۇمشاق

يۇمشاق باش

يۇمشاق قول

يۇمشاق گەدەن

يۇمشاق ماتېرىيال

يۇمشاقلاشماق

يۇمشاقلىق

يۇمشىتىلماق

يۇمشىماق

يۇمغاق

يۇمغاقسۈت

يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقىدەك

يۇمماق

يۇمۇر

يۇمۇرىغا يۇقماسلىق

يۇمۇرچى

يۇمۇرچىلىق

يۇمۇرلۇق

يۇمۇرماق

يۇمۇشلىماق

يۇمۇشماق

يۇمۇق

يۇمۇقلۇق

يۇمۇلماق

يۇمىلاتماق

يۇمىلاچ

يۇمىلاشماق

يۇمىلاق

يۇمىلاق تاۋۇز

يۇمىلاقلاتماق

يۇمىلاقلاشماق

يۇمىلاقلانماق

يۇمىلاقلىق

يۇمىلاقلىماق

يۇمىلانماق

يۇمىلىماق

يۇمىنسۇ

يۇم-يۇم

يۇم-يۇم يىغلىماق

يۇنان

يۇندى

يۇندى چىراي

يۇندىسىنى ئىتقا كۆرسەتمەيدىغان

يۇندىپۇرۇش

يۇندىپۇرۇشلۇق

يۇندىخور

يۇندىخورلۇق

يۇندىكەش

يۇندىكەشلىك

يۇيما

يۇيۇپ-تاراپ

يۇيۇشماق

يۇيۇق

يۇيۇقسىز

يۇيۇقلۇق

يۇيۇلماق

يۇيۇنماق

يۆتەل

يۆتەلدۈرمەك

يۆتەللىك

يۆتەلمەك

يۆتكەتمەك

يۆتكەشمەك

يۆتكەلمە

يۆتكەلمەك

يۆتكىگۈچى

يۆتكىلىشچان

يۆتكىمەك

يۆتۈك

يۆتىلىشمەك

يۆگەتمەك

يۆگەشتۈرمەك

يۆگەشمە

يۆگەشمەك

يۆگەك

يۆگەكلىك

يۆگەلمەك

يۆگەم

يۆگەنمەك

يۆگەي

يۆگىمە

يۆگىمەچⅠ

يۆگىمەچⅡ

يۆگىمەك

يۆگىنىشمەك

يۆلەتمەك

يۆلەشتۈرمەك

يۆلەشمەك

يۆلەك

يۆلەكچى

يۆلەكچىلىك

يۆلەكلىك

يۆلەنچۈك

يۆلەنچۈكسىز

يۆلەنچۈكلۈك

يۆلەنچى

يۆلەنچىسىز

يۆلەنمە

يۆلەنمەك

يۆلىمەك

يۆمەپ-چۆمەپ

يۆمەتمەك

يۆمەشتۈرمەك

يۆمەشمەك

يۆمەك

يۆمەكلىك

يۆمەلمەك

يۆمىمەك

يۆنەلدۈرمەك

يۆنەلمەك

يۆنىلىش

يۆنىلىشچان

يۆنىلىشچانلىق

يۆنىلىشسىز

يۆنىلىشلىك

يۈەنⅠ

يۈەنⅡ

يۈەنشۈەي

يۈەنلىك

يۈدۈتمەك

يۈدۈشمەك

يۈدۈلمەك

يۈدۈمە

يۈدۈمەك

يۈدۈمچى

يۈرەك

يۈرەك پارىسى

يۈرەك تارىنى چەكمەك

يۈرەكتە داغ قالماق

يۈرەك جايىغا چۈشمەك

يۈرەك جىغ قىلىپ قالماق

يۈرەك جىغىلدىماق

يۈرەك چىدىماسلىق

يۈرەك قېنى سىڭمەك

يۈرەككە دەز كەتمەك

يۈرەككە ئوت ياقماق

يۈرەكنى ئەزمەك

يۈرەكنى تىترەتمەك

يۈرەكنى زېدە قىلماق

يۈرەكنى كۆيدۈرمەك

يۈرەكنى ئۆرتىمەك

يۈرەكنى يارا قىلماق

يۈرەك يارىسى

يۈرىكى ئارامىغا چۈشمەك

يۈرىكى ئاغزىغا قاپلاشماق

يۈرىكى ئاغماق

يۈرىكى ئەمىن تاپماق

يۈرىكى بار

يۈرىكى پارە-پارە بولماق

يۈرىكى پاك

يۈرىكى پوك-پوك

يۈرىكى پوكۇلدىماق

يۈرىكى پۈتۈن

يۈرىكى تارتماق

يۈرىكى توق

يۈرىكى توم

يۈرىكى چوڭ

يۈرىكى چىقىپ كەتكىلى تاس قالماق

يۈرىكى چىلاشقۇدەك

يۈرىكىدە ئوتى بار

يۈرىكى زەرداب بولماق

يۈرىكى زەردابقا تولماق

يۈرىكى زېدە بولماق

يۈرىكى سۇ

يۈرىكى سۇ ئىچمەك

يۈرىكى سىقىلماق

يۈرىكى قاپتەك

يۈرىكى قارت قىلماق

يۈرىكى قان بولماق

يۈرىكى قانماق

يۈرىكى قىسىلماق

يۈرىكى قىنىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولماق

يۈرىكى قىنىغا پاتماسلىق

يۈرىكىگە قول سېلىپ باقماق

يۈرىكىگە ئوت تۇتاشماق

يۈرىكى مۇجۇلماق

يۈرىكىنى ئالماق

يۈرىكىنى تاتىلىماق

يۈرىكىنى توختاتماق

يۈرىكىنى تۇتۇپ كۆرمەك

يۈرىكىنى قاپتەك قىلماق

يۈرىكىنى يېمەك

يۈرىكى ئويناپ كەتمەك

يۈرىكى ئېچىشماق

يۈرىكى ئىزىغا چۈشمەك

يۈرىكى يارا

يۈرىكى يايرىماق

يۈرىكى يوغىنىماق

يۈرىكى يوق

يۈرىكى يېرىلماق

يۈرەكئالدى

يۈرەكئالدىلىق

يۈرەك-باغىر

يۈرەك-باغرى خۇن بولماق

يۈرەك-باغرىدىكىنى تۆكمەك

يۈرەك-باغرى قان بولماق

يۈرەك-باغرى كاۋاپ بولماق

يۈرەك-باغرىنى ئەزمەك

يۈرەكزادە

يۈرەكزادىلىك

يۈرەكسىز

يۈرەكسىزلىك

يۈرەكلىك

يۈرگۈزمەك

يۈرگۈزۈشمەك

يۈرگۈزۈلمەك

يۈرگىنى

يۈرمەك

يۈرۈش

يۈرۈشى بار

يۈرۈشى يوق

يۈرۈش-تۇرۇش

يۈرۈشتۈرمەك

يۈرۈشسىز

يۈرۈشلەشتۈرمەك

يۈرۈشلەشتۈرۈشمەك

يۈرۈشلەشتۈرۈلمەك

يۈرۈشلەشمەك

يۈرۈشلۈك

يۈرۈشمەك

يۈرۈلمەك

يۈزⅠ

يۈزⅡ

يۈز ئاچماق

يۈز بەرمەك

يۈز تاپماق

يۈز تۇتماق

يۈز قارىماق

يۈز كۆتۈرۈپ يۈرمەك

يۈز كۆرۈشمەك

يۈز كېلەلمەسلىك

يۈز ئۆرۈمەك

يۈزى پولۇ

يۈزى تۆكۈلمەك

يۈزى تۆۋەن

يۈزى چوڭ

يۈزى چۈشمەك

يۈزى چىدىماسلىق

يۈزى داپتەك

يۈزىدە تۈكى بار

يۈزىدىن قېنى قاچماق

يۈزىدىن ئوت يانماق

يۈزىدىن يۈزىگە

يۈزى سۆرۈن

يۈزى قېلىن

يۈزى قىزارماق

يۈزى كەتمەك

يۈزىگە چىقماق

يۈزىگە سالماق

يۈزىگە سەت

يۈزىگە سۈرتمەك

يۈزىگە قارا سۈركىمەك

يۈزىگە قارىماسلىق

يۈزىگە قارىيالماسلىق

يۈزىگە قان يۈگۈرمەك

يۈزىگە يۇندى چاچماق

يۈزىنى ئاچماق

يۈزىنى داپتەك قىلماق

يۈزىنى دېمەك

يۈزىنى سىلىۋېتىپ گەپ قىلماق

يۈزىنى سىپىۋەتمەك

يۈزىنى قىلماق

يۈزىنى كۆتۈرەلمەسلىك

يۈزىنى يورۇق قىلماق

يۈزى ئوچۇق

يۈزى ئوچۇق بولماق

يۈزى ئېچىلمىغان

يۈزى يورۇق

يۈزى يوق

يۈز-ئابرۇي

يۈزئاچقۇ

يۈزە

يۈزەكى

يۈزەكىلىك

يۈزەلىك

يۈزبېشى

يۈزبېشىلىق

يۈزبېگى

يۈزتۇرا

يۈزتۇرانە

يۈز-خاتىرە

يۈزدەيۈز

يۈزسىز

يۈزسىزلەرچە

يۈزسىزلىك

يۈز-كۆز

يۈزلەپ

يۈزلەپ-مىڭلاپ

يۈزلەشتۈرمەك

يۈزلەشتۈرۈشمەك

يۈزلەشتۈرۈلمەك

يۈزلەشمەك

يۈزلەندۈرمەك

يۈزلەندۈرۈشمەك

يۈزلەندۈرۈلمەك

يۈزلەنمەك

يۈزلۈكⅠ

يۈزلۈكⅡ

يۈزلىگەن

يۈزلىگەن-مىڭلىغان

يۈزلىنىش

يۈزلىنىشمەك

يۈزمۇيۈز

يۈزىچە

يۈزىسىدىن

يۈزىنچى

يۈسۈن

يۈك

يۈك-تاق

يۈكچى

يۈكسەك

يۈكسەكلىك

يۈكسەلدۈرمەك

يۈكسەلدۈرۈشمەك

يۈكسەلدۈرۈلمەك

يۈكسەلمەك

يۈكسىز

يۈكلەتمەك

يۈكلەشمەك

يۈكلەنمەك

يۈكلۈك

يۈكلىمە

يۈكلىمەك

يۈكۈندۈرمەك

يۈكۈندۈرۈلمەك

يۈكۈنمەك

يۈكۈنۈشمەك

يۈگەن

يۈگەنچە

يۈگەنچى

يۈگەنسىز

يۈگەنسىزلىك

يۈگەنلەتمەك

يۈگەنلەشمەك

يۈگەنلەكلىك

يۈگەنلەنمەك

يۈگەنلىك

يۈگەنلىمەك

يۈگۈرتمەك

يۈگۈرگەك

يۈگۈرمەك

يۈگۈرۈش

يۈگۈرۈشمەك

يۈگۈرۈك

يۈگۈر-يېتىم

يۈگۈر-يېتىمچى

يۈنمۇ

يېپىشتۇرماق

يېپىشقاق

يېپىشقاقلىق

يېپىشماقⅠ

يېپىشماقⅡ

يېپىق

يېپىق بوغۇم

يېپىق ئىمتىھان

يېپىقلىق

يېپىلماق

يېپىنچا

يېپىنچاقلاتماق

يېپىنچاقلاشماق

يېپىنچاقلانماق

يېپىنچاقلىماق

يېپىنچىسىز

يېپىنماق

يېتەرسىز

يېتەرسىزلىك

يېتەرلىك

يېتەر-يەتمەس

يېتەك

يېتەكچى

يېتەكچىلىك

يېتەكلەشمەك

يېتەكلشمەك

يېتەكلەنمەك

يېتەكلىمەك

يېتو

يېتوچى

يېتۈك

يېتىپ-قوپماق

يېتىپ-قوپۇپ

يېتىرقاتماق

يېتىرقاشماق

يېتىرقىماق

يېتىشتۈرمەك

يېتىشتۈرۈشمەك

يېتىشتۈرۈلمەك

يېتىشسىزلىك

يېتىشكەن

يېتىشماق

يېتىشمەك

يېتىلەتمەك

يېتىلەشمەك

يېتىلەك

يېتىلەكلىك

يېتىلەنمەك

يېتىلدۈرمەك

يېتىلدۈرۈشمەك

يېتىلدۈرۈلمەك

يېتىلمەسلىك

يېتىلمەك

يېتىلىمەك

يېتىمⅠ

يېتىم ئاقساقال

يېتىم تال

يېتىم تىرناق

يېتىم قول

يېتىم قوۋۇرغا

يېتىم ئوچاق

يېتىم ئوغلاق

يېتىمⅡ

يېتىمچى

يېتىمچىلىك

يېتىمسىرەتمەك

يېتىمسىرەشمەك

يېتىمسىرىمەك

يېتىملىك

يېتىم-يېسىر

يېرىشماق

يېرىق

يېرىقچە

يېرىقلىق

يېرىلغا

يېرىلما

يېرىلماق

يېرىلغۇدەك بولماق

يېرىم

يېرىم جان

يېرىم دىدار

يېرىم قورساق بولماق

يېرىم كېچە

يېرىم ئۆتكۈزگۈچ

يېرىم يولدا

يېرىملاتماق

يېرىملاشتۇرماق

يېرىملاشتۇرۇلماق

يېرىملاشماق

يېرىملىق

يېرىملىماق

يېرىم-يارتا

يېرىندى

يېزا

يېزا ئىگىلىكى

يېزا-بازار

يېزا-بازار كارخانىسى

يېزا-قىشلاق

يېزا-كەنت

يېزنە

يېزىخو

يېزىخو ئەمىنى

يېزىداش

يېزىشماق

يېزىق

يېزىقچىلىق

يېزىقسىز

يېزىقشۇناس

يېزىقشۇناسلىق

يېزىقلىق

يېزىلماق

يېزىلىق

يېسسى

يېسسىلاتماق

يېسسىلاشماق

يېسسىلانماق

يېسسىلىماق

يېسسىمۇق

يېسقاق

يېسىر

يېشىرقىماق

يېشىشمەك

يېشىل

يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەك

يېشىل ئوغۇت

يېشىلچىلىق

يېشىلقات

يېشىللىق

يېشىلمەك

يېشىم

يېشىن

يېشىنمەك

يېغىر

يېغىرىغا تەگمەك

يېغىرىغا تۇز سەپمەك

يېغىرىنى ياپماق

يېغىردان

يېغىلاشماق

يېغىلىق

يېغىن

يېغىن-يېشىن

يېقىشلىق

يېقىشماق

يېقىقلىق

يېقىلغۇ

يېقىلغۇلۇق

يېقىلماق

يېقىم

يېقىمسىز

يېقىمسىزلىق

يېقىملىق

يېقىن

يېقىن ئارىدا

يېقىن كەلتۈرمەسلىك

يېقىن يولىماسلىق

يېقىنچىلىق

يېقىندا

يېقىندىن

يېقىنسىنماق

يېقىنقى

يېقىنلاتماق

يېقىنلاشتۇرماق

يېقىنلاشماق

يېقىنلىق

يېقىنلىماق

يېقىن-يورۇق

يېقىن-يىراق

يېكەن

يېكەندە بۇرۇت ئالىدىغان

يېكەنتوخۇسى

يېكەنچار

يېكەنداز

يېكەنسۈندۈكى

يېكەنلىك

يېگانە

يېگانىلىك

يېگەك

يېگەن-ئىچكەن

يېگەن-ئىچكەندەك

يېگۈزمەك

يېگۈسىز

يېگۈلۈك

يېڭى

يېڭى ئاي

يېڭى بەت

يېڭى پەدە

يېڭى ھايات ئېراسى

يېڭىچە

يېڭىدىن

يېڭىدىن-يېڭى

يىڭىراقتا

يېڭىشمەك

يېڭىلاتماق

يېڭىلاشماق

يېڭىلانماق

يېڭىلتەك

يېڭىلماق

يېڭىلمەس

يېڭىلمەسلىك

يېڭىلمەك

يېڭىلىشماق

يېڭىلىق

يېڭىلىقپەرۋەر

يېڭىلىماق

يېڭىۋاشتىن

يېڭىياچە

يېڭىياچىلىق

يېلىڭ

يېلىڭ-يالىڭاچ

يېلىڭ-يوپۇڭ

يېلىم

يېلىمى ئېرىمەك

يېلىملاتماق

يېلىملاشماق

يېلىملانماق

يېلىملىق

يېلىملىماق

يېلىن

يېلىن سالماق

يېلىنجاتماق

يېلىنجىماق

يېنىك ئاتلېتىكا

يېنىك سانائەت

يېنىك شامال

يېنىك قوراللار

يېنىكلەتمەك

يېنىكلەشتۈرمەك

يېنىكلەشتۈرۈشمەك

يېنىكلەشتۈرۈلمەك

يېنىكلەشمەك

يېنىكلەنمەك

يېنىكلىتىشمەك

يېنىكلىتىلمەك

يېنىكلىك

يېنىكلىمەك

يېۋروپىي

يېيىتما

يېيىتماق

يېيىشلىك

يېيىشماق

يېيىشمەك

يېيىق

يېيىق جۈملە

يېيىق سۈيى

يېيىقلىق

يېيىلاڭغۇ

يېيىلدۇرماق

يېيىلما

يېيىلماق

يېيىلمەك

يېيىلىپ-ئېچىلىپ

يېيىلىشچان

يېيىلىشچانلىق

يېيىم

يىپ

يىپ بازىرى قىلماق

يىپ ئۇچى

يىپ ئۆتكۈزۈپ داۋالاش

يىپ ئېشەلمەسلىك

يىپىدىن يىڭنىسىگىچە

يىپەك

يىپەك تارتماق

يىپەك يولى

يىپەكچى

يىپەكچىلىك

يىپچە

يىپسىز

يىپسىمان

يىپلاشماق

يىپلىق

يىپ-يىڭنە

يىت

يىتتۈرمەك

يىتتۈرۈشمەك

يىتمەك

يىراق

يىراق قەدىمىي ئېرا

يىراقنى كۆرمەك

يىراقنى يېقىن قىلماق

يىراقلاتماق

يىراقلاشتۇرماق

يىراقلاشقۇچى

يىراقلاشماق

يىراقلىق

يىراقلىماق

يىراق-يېقىن

يىرتقۇچ

يىرتقۇچ قۇشلار

يىرتقۇچ ھايۋانلار

يىرتقۇچلۇق

يىرتقۇزماق

يىرتماق

يىرتىشماق

يىرتىق

يىرتىلماق

يىرغۇزماق

يىرگەندۈرمەك

يىرگەنمەك

يىرگىنچ

يىرگىنچلىك

يىرگىنىشمەك

يىرماق

يىرىشماق

يىرىق

يىرىك

يىرىكچىلىك

يىرىكلەشتۈرمەك

يىرىكلەشمەك

يىرىكلىك

يىرىك-يۇمشاق

يىرىڭ

يىرىڭلىق

يىرىڭلىماق

يىرىلماق

يىزۇ

يىزۇچە

يىغا

يىغا-زار

يىغدۇرماق

يىغقان-تۈگكەن

يىغقۇچ

يىغقۇچى

يىغلاپ-قاقشاپ

يىغلاتماق

يىغلاشماق

يىغلا-قاقشا

يىغلاڭغۇⅠ

يىغلاڭغۇⅡ

يىغلاڭغۇلۇق

يىغلامسىراتماق

يىغلامسىراشماق

يىغلامسىرىماق

يىغلىغاق

يىغلىماق

يىغلاپ كۆرۈشكۈدەك بولماق

يىغلىغۇدەك بولماق

يىغما

يىغماق

يىغىپ ئېيتقاندا

يىغىپ-تۆشەپ

يىغىچى

يىغىش

يىغىشتۇرماق

يىغىشماق

يىغىق

يىغىق جۈملە

يىغىقلىق

يىغىلغۇچى

يىغىلماق

يىغىلىش

يىغىلىشچان

يىغىلىشچانلىق

يىغىلىشماق

يىغىم

يىغىم-تېرىم

يىغىم-سىرىم

يىغىن

يىغىنچاق

يىغىنچاقلاتماق

يىغىنچاقلاشماق

يىغىنچاقلانماق

يىغىنچاقلىق

يىغىنچاقلىماق

يىغىندى

يىغىندىلىماق

يىغىۋېلىش

يىقىتماق

يىقىتىشماق

يىقىتىلماق

يىقىلماق

يىقىلىپ-سوقۇلۇپ

يىقىلىپ-قوپۇپ

يىقىلىشماق

يىك

يىك باسماق

يىكتەك بولۇپ كەتمەك

يىكچى

يىكچىلىك

يىكدان

يىگ

يىگلەتمەك

يىگلەش

يىگلەشمەك

يىگلىمەك

يىگىت

يىگىت قولدىشى

يىگىتنىڭ گۈلى

يىگىتۋېشى

يىگىتچە

يىگىتچىلىك

يىگىتلىك

يىگىرمە

يىگىرمە تۆت مەۋسۇم

يىگىرمىنچى

يىگىنە

يىڭ

يىڭجاڭ

يىڭگىلىك

يىڭناسقۇ

يىڭناغۇچ

يىڭنە

يىڭنىزىرە

يىڭنىلىك

يىڭنىمىخ

يىل

يىلدىن-يىلغا

يىلان

يىلان باغرى

يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيىدىغان

يىلانبېلىق

يىلان-چايان

يىلانچى

يىلانلىق

يىلانئوت

يىلپىز

يىلتىز

يىلتىز تارتماق

يىلتىز چىقىرىش

يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماق

يىلتىزىدىن قۇرۇتماق

يىلتىزىغا پالتا چاپماق

يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىماق

يىلتىزىنى قۇرۇتماق

يىلتىزىنى قىرقىماق

يىلتىزداش

يىلتىزسىز

يىلتىزسىمان

يىلتىزلىق

يىلتىزلىماق

يىلداش

يىلسايىن

يىلسېرى

يىلسىز

يىلقا

يىلقىچى

يىلقىچىلىق

يىللاپ

يىللىق

يىللىقچى

يىللىماق

يىلمۇيىل

يىلنامە

يىلنامىلىق

يىلىك

يىلىكى توشماق

يىلىكى توق

يىلىكىدە سۇ ئىچمەك

يىلىكى سۇيۇق

يىلىكى شورلۇق

يىلىكىنى چاقماق

يىلىكىنى شورىماق

يىلىكىنى قۇرۇتماق

يىلىكى ئۈزۈك

يىلىكى ئۈزۈلمەك

يىمىرمەك

يىمىرىشمەك

يىمىرىلمەس

يىمىرىلمەك

يىمىرىلىش

يىن

ئىزاھى

ي

  • ي[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئوتتۇز ئىككىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئوتتۇز ئىككىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ي» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ي»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ي»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ي»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ي»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «يې».

  • «ي» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۈستى ئوتتۇرا تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن يېرىم سوزۇق تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.

  • «ي» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. ئادەتتە ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بەزى سۆزلەرگە تەۋەلىك قوشۇمچىلىرىنىڭ ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلىنىدىغان ۋارىئانتى ئۇلىنىشى لازىم بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم تۇراقلىق ئۇرغۇغا ئىگە سۆزلەردىن كېيىن Ⅰ ۋە Ⅱ شەخستە تۈپ سۆزلەر بىلەن قوشۇمچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ ئاندىن شەخس قوشۇمچىسى ئۇلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملا - ئىملا (ي) ىم - ئىملايىم

  • سۇ - (ي) ۇم - سۇيۇم

  • دەريا - دەريا (ي) ىم - دەريايىم

  • 2. خەنزۇ تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ قوشما يۈنمىلىرىدىكى ئاخىرقى تاۋۇش ياكى ئۆتكۈنچى تاۋۇش بولۇپ كېلىدىغان «i» تاۋۇشى ئۇيغۇرچىدا ئۈزۈك تاۋۇش «ي»غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنغىنى ئۈچۈن ئىملادا «ي» يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • جۇخەي (Zhuhai) بېيجىڭ( Beijing )

  • 3. رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئالدىنقىسى «ى»، كېيىنكىسى «ا، و» تاۋۇشلىرىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەردە، مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا «ي» قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • دىئاگنوز دىياگنوز

  • ئىئون ئىيون

ياⅠ

  • ياⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتتىق ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچىدىن يىپ تارتىپ، ئېگىپ، يېرىم چەمبەر شەكلىدە ياسالغان، كىچىك نەيزىسىمان ئوق سېلىپ ئاتىدىغان قەدىمكى ئۇرۇش قورالى؛ كامان.

ياⅡ

  • ياⅡ[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تەڭداش جۈملە بۆلەكلىرى ياكى ئايرىم جۈملە بۆلىكى ئالدىدا كېلىپ، پىكىرنىڭ قىياس قىلىنغۇچى بۆلەكلىرىدىن بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] قوغۇنغا ئوغرى كەلسە، يا پىششىقىنى قويماس، يا خەمىكىنى قويماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② سوئال جۈملە ئالدىدا كېلىپ ئۆزىدىن بۇرۇنقى جۈملە مەنىسىگە نىسبەتەن قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] سۇ ئۆزى يار ئالغانمىدۇ، يا بىرەر قارا نىيەت ئۆچمەنلىك قىلغاندىمۇ[يەشمىسى:] ③ ئىككى جۈملە ئوتتۇرىسىدا كېلىپ، كېيىنكى جۈملىدىكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ بولۇنمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ياردەمچى سۆز ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] ئوت-چۆپ بولمىسا نېمە بوپتۇ يا بىز ئوت ئورغىلى بارمىساق.

يا ئاق ئەمەس يا كۆك ئەمەس

  • يا ئاق ئەمەس يا كۆك ئەمەس[يەشمىسى:] بىر مەسىلىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارە:[مىسال:] بۇ ئىشلار يا ئاق ئەمەس يا كۆك ئەمەس تۇرۇۋاتىدۇ.

يا ئاق يا قارا قىلماق

  • يا ئاق يا قارا قىلماق[يەشمىسى:] سېلىشتۇرۇپ، گۇناھلىق ياكى گۇناھسىزلىقىنى ئايرىماق، پەرقلەندۈرمەك:[مىسال:] بۇ جالىپىڭنىڭ ئالدىدا مېنى يا ئاق يا قارا قىلىسەن، مەن ئوينىسام، سەندەك تاتۇق بىلەن ئوينامتىم دېدى ھەسەلخان.

يا ئاق يا كۆك دېمەسلىك

  • يا ئاق يا كۆك دېمەسلىك[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى گەپ-سۆزگە قارىتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەسلىك، لام-جىم دېمەسلىك:[مىسال:] ئەركىن سوئالىمغا يا ئاق يا كۆك دېمەي قاراپ تۇردى.

يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن

  • يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن[يەشمىسى:] تەۋەككۈل، بارا كۆرەرمىز:[مىسال:] بىز دېگەندەك بولىدىغان زامانلارنى بۇ ئۆمرۈمدە كۆرسەممىكىن دەپ ئويلايتتىم، قارىغاندا، بىر-ئىككى يىل ئىشلەپ كۆرۈپ باقساممۇ باقاي. يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن، دېدى ئۇ بوش ئاۋازدا.

يا گۆش ئەمەس يا بەز ئەمەس

  • يا گۆش ئەمەس يا بەز ئەمەس[يەشمىسى:] «يا ئاق ئەمەس يا كۆك ئەمەس»كە قاراڭ:[مىسال:] شۇندىن كۆپ ئۆتمەي، غوجى ئىككى ئاغىنىسىنى سەيدىن قارىغا ئەلچىلىككە كىرگۈزدى، لېكىن ئەلچىلەر ئۇ يەردىن يا گۆش ئەمەس يا بەز ئەمەس گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

يا گۆش يا بەز قىلماق

  • يا گۆش يا بەز قىلماق[يەشمىسى:] يا ئۇيان-يا بۇيان قىلماق، ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلماق:[مىسال:] ئۇنداق ئادەم باشتا بالىنى مەكتەپكە بەرمەيلا مۇشۇ ئېسىل ھۈنەرلىرىگە سېلىۋالماپتىكەنلا، ئەمدى ئۇنىڭ ئوقۇشىنى يا گۆش يا بەز قىلماي... دېدى نىساخان تەنە قىلغان ئاھاڭدا.

يا ئۇنداق يا بۇنداق

  • يا ئۇنداق يا بۇنداق[يەشمىسى:] ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك، خىلمۇخىل؛ بەزى يا ئۇ خىلدىكى يا بۇ خىلدىكى:[مىسال:] يېزا ئىگىلىكىدە قوللىنىلىۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىمىز تېخى يېڭىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقىنى ئۈچۈن، يا ئۇنداق يا بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ تۇغۇلۇپ تۇرۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

يا ئۆلۈك ئەمەس يا تىرىك ئەمەس

  • يا ئۆلۈك ئەمەس يا تىرىك ئەمەس[يەشمىسى:] ماغدۇرىدىن قالغان، ماغدۇرى يوق، مادارسىز، ماغدۇرسىز، ھالسىز:[مىسال:] تۇرسۇن مۇشۇ كۈنلەردە يا ئۆلۈك ئەمەس يا تىرىك ئەمەس ھالەتتە ياشاۋاتىدۇ.

يا ئۆلۈم يا كۆرۈم

  • يا ئۆلۈم يا كۆرۈم[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن قەتئىي بەل باغلىغانلىق، شۇ ئىشقا تەۋەككۈل قىلغانلىق مەنىسىدىكى ئىبارە:[مىسال:] بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئاچ-زار جامائەت يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ، باشنى قولتۇقىغا قىسقان ھالدا كېچىسى تاغقا چىقىپ بۇغدايلارنى تاغار-تاغارلاپ تېپىپ كىرىشكە باشلىدى.

ياⅢ

  • ياⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈچلۈك ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىپ، مۇراجىئەت قىلىش، ئەجەبلىنىش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يا ئاللا، يا رەببىم. يا ھەزرەت. يا پەرۋەردىگار. يا خۇدا.

يا ئاللا

  • يا ئاللا[يەشمىسى:] ① «ئىي ئاللا، ئەي خۇدا، خۇدايا» دېگەن مەنىدە، خۇداغا مۇراجىئەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يا ئاللا، ئارسلانلىرىمىزغا كۈچ-غەيرەتنى يار قىلغايسەن، كۆپچىلىكنى ئامان قىلغايسەن، دېدى بوۋاي نالە قىلىپ.[يەشمىسى:] ② ھەيران بولۇش، زوقلىنىش، ھاياجانلىنىش، تېڭىرقاش، قورقۇش، زارلىنىش، قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ:[مىسال:] كەينى-كەينىدىن ئۈزۈلمەستىن كەلگەن جامائەت تۆت يۈز چارەك گۈرۈچنىڭ ئېشىنى چۈش-پېشىنگە قالماي يەپ بولدى... يا ئاللا، يۇرت دېگەن مانا شۇنداق تولا گەپ ئىكەن. * يا ئاللا سەن بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن، دېدى سۇلايمان بەكرىگە قاراپ. * يا ئاللا، يېزىپ بولدۇم دەيدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بولىدىكەن-ھە دېدى زەپەر كايىغان تەلەپپۇزدا.

يابغۇ

  • يابغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① قەدىمكى تۈركىي خەلق ھەربىي ئەمەل ناملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سول قول ۋەزىرگە تەڭ كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② تارماق، قەبىلە، بۆلەك:[مىسال:] جۇڭگو يىلنامىلىرىدا قارلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يابغۇسى (مەھكىمىسى) سۈپىتىدە باشتىن-ئاياغ ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە بايان قىلىنغان.

ياپا

  • ياپا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، ھەمىشە.

ياپال

  • ياپال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇزۇنچاقراق كەلگەن، ياپىلاق:[مىسال:] ياپال يۈز. ∥ ئابدۇللا دېگەن قانچىلىك نېمىتتى، سەن ياپالنىڭ بىر مۇشتىغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ ئۇ دېدى قېرى ھاراقكەش.

ياپتا

  • ياپتا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرىدىن-توغرا ئېيتىلماي باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەگكۈزۈپ، دارىتمىلاپ، تەنە قىلىپ دېيىلگەن:[مىسال:] ياپتا گەپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىماردا ئۇدا، ئارقا-ئارقىدىن ئۇتۇش ھالىتى:[مىسال:] ياپتا كەلمەك. * ئوشۇقنىڭ ياپتىسى چىقتى.

ياپتۇرماق

  • ياپتۇرماق[يەشمىسى:] «ياپماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] روجەكنى ھىم ياپتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، خەتنى ئوقۇشقا باشلىغان سىيىت ھاجىنىڭ چىرايىدىكى تېيىز قورۇقلار كېڭىيىشكە، كۆزلىرى كىچىكلەشكە باشلىدى.

ياپچان

  • ياپچان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلىدۇ، يېرىقچىلىرى لېنتا شەكىللىك، قويۇق ئاق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. گۈلى يېشىل سېرىق، كونۇسسىمان گۈل رېتىدە. پۈتۈن تېنى خۇشبۇي پۇرايدۇ، دورا قىلىنىدۇ، تەرلىتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، ئۆتنى ياخشىلاش رولى بار.[يەشمىسى:] ② قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

ياپراق

  • ياپراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ① يوپۇرماق:[مىسال:] ئۇ ئاشۇ ئالتۇن ياپراقلار ئۈستىدە، قۇملۇق قاشتا ئويناق سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ سومكىسىدىن يېشىل تاشلىق دەپتىرى بىلەن قەلىمىنى ئالدى-دە، شۇ كۈننىڭ خاتىرىسىنى يېزىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② نېپىز نەرسە:[مىسال:] ئەمدىلا گۆشتىن بىر ياپراق كېسىشىم بىلەن پىچاق قولۇمنى كەستى.

ياپسار

  • ياپسار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارىلىقىدا بوشلۇق قالمىغان زىچ، دەل، ھىم، جىپسا؛ ئۇدۇل، توغرا:[مىسال:] سېمىزغىنا كەلگەن بىر دۇكاندار تۇمشۇقى ھەم ئۇچلۇق، ھەم ياپسار تىكىلگەن بىر جۈپ خەينى ئالدىمغا قويدى. * ئۇلارنىڭ بەزىدە بەرگەن باھالىرى ياپسارغا كېلىپ قالسا ئۆزلىرىچە ھۇزۇرلىنىپ بازارنى بېشىغا كىيگۈدەك ئاۋاز بىلەن كۈلۈشەتتى.

ياپسار كەلمەك

  • ياپسار كەلمەك[يەشمىسى:] ئۇدۇل، توغرا، مۇۋاپىق، ھىم كەلمەك، جىپسا كەلمەك:[مىسال:] بۇ ئىككى ياغاچ تازا ياپسار كەلدى. * قالتىس ياپسىرىغا كەلدى-دە، ئۆزۈڭمۇ چاققان نېمە، ئۆتكۈزۈۋەتمىدىڭ، دېدى ئۇ مېنى ماختاپ.

ياپسارلاتماق

  • ياپسارلاتماق[يەشمىسى:] «ياپسارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ياپسارلاشماق

  • ياپسارلاشماق[يەشمىسى:] «ياپسارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياپسارلانماق

  • ياپسارلانماق[يەشمىسى:] «ياپسارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ياپسارلىماق

  • ياپسارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇدۇل كەلتۈرمەك، ماسلاشتۇرماق، مۇۋاپىقلاشتۇرماق، جىپسىلاشتۇرماق؛ تۈزلىمەك، ئوڭشىماق:[مىسال:] كۆپ ياغاچچى ئىشلىدى تاختاي تىلىپ، ئىشلىتىپ پەم شالنى ياپسارلاپ سېلىپ. * ئۇ ماڭا نەدە، قانداق تېخنىكىلىق تەدبىر ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، خالىغانچە ئېيتىپ بېرىدۇ، مەن بۇلارنى بىلىۋالىمەن-دە، دەرھال ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ياپسارلايمەن.

ياپسال

  • ياپسال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۈز ئەمەس، قىڭغىر، يانتۇ، قىيپاش.

ياپسۇن

  • ياپسۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىلارنىڭ بەدىنىگە توخۇ ئېتى رەڭگىدە يوغان-يوغان چىقىدىغان كېسەللىك.

ياپقاق

  • ياپقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك مىخانىزملارنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى چاڭ-توزان، نەملىك ۋە باشقا نەرسىلەردىن ساقلاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن، ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان بۇيۇم، تۆمۈر قاپقاق:[مىسال:] ماشىنىنىڭ ياپقىقى. ياپقاقنى ئاچماق.

ياپقۇچ

  • ياپقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى يېپىش، ئېتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، نەرسە:[مىسال:] كىيىم ياپقۇچ. ماتور ياپقۇچ.

ياپقۇچسىز

  • ياپقۇچسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياپقۇچى يوق، ياپقۇچ يېپىلمىغان؛ ياپقۇچ ئورنىتىلمىغان:[مىسال:] ياپقۇچسىز ماشىنا. ياپقۇچسىز ئەينەك.

ياپقۇچلۇق

  • ياپقۇچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياپقۇچى بار، ياپقۇچ يېپىلغان، ياپقۇچ ئورنىتىلغان:[مىسال:] ياپقۇچلۇق دېرىزە. ياپقۇچلۇق چەينەك.

ياپماⅠ

  • ياپماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېپىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ياپما ئۆي. ياپما قاپاق. * پەقەت ئۇنىڭ ياپما قېشىلا لىكىلداپ جىم تۇرمايتتى.

ياپما قاپاق

  • ياپما قاپاق[يەشمىسى:] ساڭگىلاپ، كۆزنىڭ ئۈستىنى يېپىپ تۇرىدىغان قاپاق:[مىسال:] سىيىتقارى ياپما قاپاقلىرىنى لەپپىدە كۆتۈرۈپ، بالىغا قاتتىق ئالايدى.

ياپماⅡ

  • ياپماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] قورداق ياكى قورۇلغان قورۇمىنىڭ ئۈستىگە بولدۇرۇلغان خېمىرنى يېپىپ، دۈملەپ پىشۇرۇلىدىغان تاماق.

ياپماق

  • ياپماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ يۈز قىسمىنى، تاشقى كۆرۈنۈشىنى، قىياپىتىنى توسماق، بىرەر نەرسە بىلەن قاپلىماق، ئەتمەك:[مىسال:] قىز بىرنېمىلەرنى دېدى-دە، قوللىرى بىلەن يۈز-كۆزىنى ياپقىنىچە ياتاققا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئوچۇق تۇرغان نەرسىنىڭ ئۈستىنى ئەتمەك، قاپلىماق، ئورىماق، چۈمكىمەك:[مىسال:] ئاشپەزلەر ھاكىمنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ توپا باسقان قازانلىرىنى سۈرتۈپ بولۇپ، ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭىدا يىغىلىپ تۇرغان كۆكتات شۆپۈكلىرىنى پالاس بىلەن ياپتى.[يەشمىسى:] ③ ئوچۇق، يېيىقلىق تۇرغان نەرسىنى يىغماق، يىغىشتۇرماق (كىتاب، دەپتەر ھەققىدە):[مىسال:] دەپتەرنى ياپماق. گېزىتنى ياپماق. * ئۇ نىجاتنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ژۇرنالنى ياپتى. * يېپىپ كىتابنى ئۆزۈمگە سوئال بېرىمەن، ناۋائىي قانداق بىر ئۇلۇغ ئىنساندۇر دەيمەن.[يەشمىسى:] ④ ئۆي، ئىمارەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىنى بېكىتمەك، ئەتمەك؛ توسماق:[مىسال:] ئېغىلنى ياپماق. كاتەكنى ياپماق.[يەشمىسى:] ⑤ قويماق، باسماق:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىممۇ ھەر ھالدا ئارام بولۇپ قالسۇن، دېگەن ئۈمىدى بىلەن قۇددۇسنىڭ بېشىغا سوغۇق سۇغا چىلانغان ھۆل لۆڭگە ياپتى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوشۇرماق، مەخپىي تۇتماق، سىرلىق قىلىپ كۆرسەتمەك:[مىسال:] پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقىلى بولماس (ماقال). * بېخىل تاپسا يېپىپ يەيدۇ، سېخىي تاپسا ئېچىپ يەيدۇ (ماقال).

ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ

  • ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ[يەشمىسى:] ئىككىلىنىش، ئارىسالدى بولۇش، بىر قارارغا كېلەلمەسلىك مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە:[مىسال:] مەن دېدىمغۇ ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ دەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بۇ بەلنى مەھكەم باغلاپ ئىشلەش ۋاقتى

ياپمال

  • ياپمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغنىڭ پېشايۋاندەك ئالدىغا چىقىپ تۇرغان قىسمى.

ياپمىسىغا

  • ياپمىسىغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇدۇل، توغرا تەرىپىنى بويلاپ.

ياپون

  • ياپون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن ياپونىيىنىڭ تۈپ ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ياپونچە

  • ياپونچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياپونىيىگە، ياپون خەلقىگە ھەم ئۇنىڭ يېزىقى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] ياپونچە ئۇسسۇل. ياپونچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياپون تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] ئۇ ياپونچىنى ياخشى بىلىدۇ. * ئۇ ياپونچە ئۆگىنىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ياپون تىلىنى ئىشلىتىپ، ياپون تىلىدا:[مىسال:] ياپونچە سۆزلەشمەك.

ياپىسىغا

  • ياپىسىغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، ھەممىسى، تامامەن، تولۇق، تەلتۆكۈس، ئۈزۈل-كېسىل.

ياپىلاق

  • ياپىلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېسسى ۋە يېسسىسىغا يېقىن كېلىدىغان، يېسسى شەكىلدىكى، يېسسى ھالەتتىكى، توم ياكى يۇمىلاق ئەمەس:[مىسال:] ياپىلاق تۆمۈر. ياپىلاق ياغاچ.

ياپىلاقلاتماق

  • ياپىلاقلاتماق[يەشمىسى:] «ياپىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ياپىلاقلاشماق

  • ياپىلاقلاشماق[يەشمىسى:] «ياپىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياپىلاقلانماق

  • ياپىلاقلانماق[يەشمىسى:] «ياپىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئون نەچچە كۈنلۈك جاراڭ-جۇرۇڭ، گۇمبا-گۇمباڭدىن كېيىن، كاللەك-كاللەك مىسلار بىر قول، يېرىم قول قېلىنلىقتا ياپىلاقلاندى.

ياپىلاقلىماق

  • ياپىلاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياپىلاق ھالەتكە كەلتۈرمەك، يېسسىلىماق:[مىسال:] ئۇلار ئاسىمنىڭ ياردىمىدە ئوقلىرىنى ئايىغان ھالدا مىلتىقتىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىشتى، مىلتىق يېتىشمىگەنلەر نەيزە-چوماق تەييارلاشتى، بەزىلەر لوم تۆمۈرلەرنى ياپىلاقلاپ قىڭراق-قىلىچ سوقۇشتى.

يات

  • يات [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان، تۇغقانچىلىقى يوق:[مىسال:] يات ئادەم. * ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقىلى كۆيۈپتۇ (ماقال). * ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي، يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونۇشلۇقى يوق، تونۇشمايدىغان، تونۇش ئەمەس، ناتونۇش:[مىسال:] يات كىشى. * يات يۇرتتا تورغاي سايرىماس (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ياكى كىشىگە تەئەللۇق بولمىغان، مۇناسىۋەتسىز:[مىسال:] يات ماددا. يات جىسىم. * ھازىر بەزى ئادەملەر ئۈچۈن پرىنسىپ، ئىنسانىي بۇرچ، ئەخلاق دېگەنلەر يات بىرنەرسە بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇناسىپ ئەمەس، راۋا ئەمەس؛ ھارام؛ يىراق:[مىسال:] «جەزمەن ئۆز قولۇم بىلەن تاپشۇرۇشۇم كېرەك. تەقدىرگە تەن بېرىپ، قايناق تۇرمۇشتىن چەتكە چىقىشنىڭ ماڭا يات ئىكەنلىكىنى ئادىل كۆرسۇن» دەپ ئويلىدى ئۇ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇخالىپ، قارشى، زىت، خىلاپ:[مىسال:] مەن قەيسەرلىك قىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، ئۇ چۆچۈپ، ئاجايىپ ئوتلۇق نەزەر بىلەن يالت قىلىپ قارىدى-دە، ئۆز تەبىئىتىگە يات ھالدا مۇلايىم ۋە ئىللىق كۈلۈمسېرىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشقىچە، ئۆزگىچە، غەيرىي:[مىسال:] ئىشچىلارنىڭ كۈتمىگەندە كىرىپ كېلىشى، سابىر ئۇستىنىڭ ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇشىمۇ ئۇنىڭغا يات ۋە غەلىتە بىلىنەتتى.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دۈشمەن بولغان، دۈشمەنگە ئوخشاش:[مىسال:] شاھىمىز بۇ پەرزەنتىنى ئۆز جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا 228 قاراۋۇل ئۇنى ياتلاردىن كېچە-كۈندۈز قوغداپ تۇرىدۇ.

يات رەڭ

  • يات رەڭ[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] رەڭسىز سىستېمىغا مەنسۇپ بولغان رەڭ. مەسىلەن، قارا، ئاق، كۈل رەڭ، ئالتۇن رەڭ، كۈمۈش رەڭلەرگە ئوخشاش. بۇلار رەڭ تۈسىنى تەڭشەش رولىنى ئوينىغاچقا، «قۇتۇلدۇرغۇچى رەڭ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ساپ ئاق ۋە ساپ قارا رەڭلەرنى تېپىش قىيىن، رەڭ سپېكتىرىدا بۇنداق رەڭ خىلى يوق. شۇڭا ئاق رەڭ «ئىنفرا رەڭ»؛ قارا رەڭ «ئۇلترا رەڭ» دەپ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىنېراللارنىڭ بىر خىل رەڭگى، يەنى سىرتتىن كەلگەن رەڭلىك ماددىلارنىڭ مېخانىكىلىق ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان مىنېرالنىڭ بويالغان رەڭگى. بۇ رەڭنىڭ خىمىيىلىك مىنېرال تەركىبىنىڭ ئۆز قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مەسىلەن، ساپ كۋارتس رەڭسىز، سۈزۈك مىنېرال بولۇپ، ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە بىنەپشە، قىزىل گۈل رەڭ، سۈت ئاق، ئىس رەڭلەردە بولىدۇ.

يات قىلىق

  • يات قىلىق[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ دىتىغا، كۆڭلىگە ياقمايدىغان، كۆزىگە سىغمايدىغان ئىش-ھەرىكەت؛ قىلىقسىزلىق:[مىسال:] ئېسىلىپ تۇرىسەن جىم تامدا مىخقا، ئۆگىنىپ قاپسەن ئوسال قىلىققا.

ياتاتۇڭ

  • ياتاتۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① بۆشۈك تەۋرەتكۈ، ياچىۋەك.[يەشمىسى:] ② ياچىۋەك تۇخۇمى.

ياتاق

  • ياتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياتىدىغان جاي، ئورۇن، خانا:[مىسال:] ئۇ خەتنى ئاشخانا ئۈستىلىگە قويۇپ، ياتاققا كىردى-دە، ياتاقتا ئىلدام يېشىنىپ، كارىۋاتقا چىقىپ، ئۇخلاپ قالدى.[يەشمىسى:] ② مەكتەپ ياكى ئىدارە-جەمئىيەتلەردىكى ئوقۇغۇچى ياكى بويتاقلارنىڭ يېتىپ-قوپۇشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان مەخسۇس ئۆي؛ بىنا:[مىسال:] قىزلار ياتىقى. بويتاقلار ياتىقى.[يەشمىسى:] ③ دوختۇرخانىدا ئاغرىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆي:[مىسال:] ياتاقتا ياتماق. ياتاقتىن چىقماق.

ياتاق يارىسى

  • ياتاق يارىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۇزاق مۇددەت ئورۇندا يېتىپ قالغان ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆرۈلەلمەيدىغان كېسەللىكلەرنىڭ توقۇلمىلىرى ئۇزاق بېسىلىپ، قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراشتىن تېرە، مۇسكۇللار چىرىپ زېدىلىنىدىغان بىر خىل يارا. ئۇزاق ياتقانلارنىڭ ساغرىلىرىدا، سۆڭگەچلىرىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ.

ياتاقخانا

  • ياتاقخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ياتاق»قا قاراڭ:[مىسال:] باشقىلار چاي ئىچىشىۋاتاتتى. مەريەم ئۆزىنىڭ ياتاقخانىسىدىن چىقمىدى، ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ قالغانىدى.

ياتاقداش

  • ياتاقداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ياتاقتا ياتقان ياكى ياتىدىغان كىشىلەر (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] شۇنداق قىلىپ قەيسەر ئەمدى سىنىپ يىغىنى ھەققىدىكى ئويلىرىنى تاشلاپ، ياتاقداشلىرى ئارا بولۇپ ئۆتكەن سوئال-جاۋابلارنىڭ تېگىنى ئىزدەپ يېڭىۋاشتىن بىر خىيال دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتتى.

ياتاقداشلىق

  • ياتاقداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ياتاقتا يېتىش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] باتۇر بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاقداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بار ئىدى.

ياتاقسىز

  • ياتاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياتىقى يوق، ياتاق سېلىنمىغان:[مىسال:] ياتاقسىز مەكتەپ. Ⅸ机?تۈرى: ڭ ڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ناھىيە رەھبەرلىرى ناھىيىدىكى مەكتەپلەرنى ياتاقلاشتۇرۇپ ناھايىتى چوڭ ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

ياتاقلاشماق

  • ياتاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياتىقى بار ھالەتكە كەلمەك، ياتىقى بار بولماق:[مىسال:] ياتاقلاشقان مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوقۇش-ئوقۇتۇش سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

ياتاقلىق

  • ياتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياتىقى بار، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] ياتاقلىق مەكتەپ.

ياتاڭ

  • ياتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاختا ئاتقۇچىنىڭ مۇشتىكى.

ياتسىراتماق

  • ياتسىراتماق[يەشمىسى:] «ياتسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ئۇنى ياتسىرىتىپ قويماي ئوبدان ئويناتتىم.

ياتسىراشماق

  • ياتسىراشماق[يەشمىسى:] «ياتسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز پاتىمىدىن كېيىن بىرئاز ياتسىرىشىپ، ئىزا تارتىشىپ ئېچىلىشماي قالدۇق.

ياتسىرىماق

  • ياتسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلارنى ئۆزىگە، ئۆزىنى باشقىلارغا يات دەپ ھېس قىلماق؛ يېتىرقىماق؛ ياتسىنماق:[مىسال:] ئۇ مەن بىلەن ياتسىراپراق كۆرۈشتى.

ياتسىنماق

  • ياتسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ياتسىرىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئەزەلدىن قايغۇسى، خۇشاللىقى بىر، بىر شاخنىڭ تۇتاشقان ئىككى بەرگى بىز، ئۆزئارا ياتسىنىپ ساقلىمىغان سىر، ئاسماندەك بىغۇبار ئوتلۇق قەلبىمىز.

ياتقۇ

  • ياتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياتىدىغان چاغ، ۋاقىت، پەيت:[مىسال:] ئېغىر ياتقۇ. * قۇربان قىلىچ ئاتلارنىڭ يۈرۈشىنى تېزلىتىپ، ياتقۇدىن بۇرۇن توقسۇن بازىرىدىكى ئاقتاش سارىيىغا بېرىپ چۈشتى.

ياتقۇزماق

  • ياتقۇزماق[يەشمىسى:] ① «ياتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادىل بالىنى ھارۋىغا ياتقۇزۇپ، دوختۇرخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك ھەيدەپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق، بېكىتمەك:[مىسال:] چىم ياتقۇزماق. تاختاي ياتقۇزماق.[يەشمىسى:] ③ يېيىتماق، سالماق؛ تۆكمەك:[مىسال:] لاي ياتقۇزماق. توڭ ياتقۇزماق.[يەشمىسى:] ④ تەكشىلىمەك، تۈز ھالەتكە كەلتۈرمەك، قايرىماق، يانتۇ قىلماق:[مىسال:] ئېلىئاخۇن ئۇستام، ماۋۇ ئۆتۈكنى كۆرۈپ باقسىلا، دېدى دادام مىخلارنى ياتقۇزۇپ بولۇپ.

ياتقۇزۇلماق

  • ياتقۇزۇلماق[يەشمىسى:] «ياتقۇزماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خەلىچە ئانا ئۈچ ئات قوشۇلغان رېزىنكە چاقلىق ھارۋىغا ياتقۇزۇلغاندا، كۈن قىزغۇچ شولا چېچىپ، تاغ كەينىگە ئولتۇرۇپ كەتكەنىدى. * تاش ياتقۇزۇلغان مەھەللە يولىدا ئەزالار خۇشاللىق بىلەن ئويۇن-مەشرەپ قىلىشقا كېتىشىۋاتاتتى.

ياتلاشتۇرماق

  • ياتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ياتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ياتلاشتۇرۇشماق

  • ياتلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ياتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياتلاشتۇرۇلماق

  • ياتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ياتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ياتلاشماق

  • ياتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يات بولۇپ كەتمەك، يات ھالەتكە كەلمەك؛ يىراقلاشماق:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىنكى ئەللىك يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇلار بىر-بىرىنى زادىلا ئىزدەشمەي ياتلىشىپ كېتىشكەنىدى.

ياتلىق

  • ياتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياتلارغا خاس، ياتلارغا ئائىت خۇي، مىجەز:[مىسال:] قىزىمنىڭ ئۆزلۈكى بار، كۈيئوغلۇمنىڭ ياتلىقى بار (ماقال). * بەزىدە، بەلكى تولا چاغلاردا ياتلىق تونۇشۇشقا، تونۇشۇش يېقىنلىققا، يېقىنلىق دوستلۇققا، دوستلۇق مۇھەببەتكە ئورۇن بوشىتىپ بېرىدۇ.[يەشمىسى:] ② يات كىشىگە تەۋە؛ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق (قىز-ئاياللارغا نىسبەتەن):[مىسال:] ياتلىق بولماق. ياتلىق قىلماق.

ياتلىق بولماق

  • ياتلىق بولماق[يەشمىسى:] تۇرمۇشقا چىقماق، تالالىق بولماق، ئەرگە تەگمەك:[مىسال:] ئۇ يىگىرمە ئالتە ياشتا، تېخى ياتلىقمۇ بولمىدى.

ياتلىق قىلماق

  • ياتلىق قىلماق[يەشمىسى:] تۇرمۇشقا چىقارماق، تالالىق قىلماق، ئەرگە بەرمەك:[مىسال:] مىجىت تاغىسىنىڭ يېنىدا خەقلەرنىڭ ياتلىق قىلماقچى بولغان قىزلىرىنىڭ كىيىمىنى تىكىپ، داڭ چىقىرىۋەتتى.

ياتلىۋىلاڭ

  • ياتلىۋىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غەلىتە، بۆلەكچىلا، غەيرىي.

ياتما

  • ياتما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياتقان، ياتىدىغان:[مىسال:] ياتما پاقىيوپۇرماق. ياتما جىنتىيانا.

ياتما ئەمەن

  • ياتما ئەمەن[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ ئالدى يۈزى يېشىل، كەينى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى نەيسىمان، رەڭگى سارغۇچ، بىرئاز سۆسۈن سىزىقلىرى بار، مېۋىسى ئورۇق مېۋە. يول بويى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قان توختىتىش رولىغا ئىگە.

ياتماق

  • ياتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەدىنىنى يەر، كارىۋات، كۆرپە قاتارلىقلارغا يېقىپ سوزۇلماق، ئۇزارتماق:[مىسال:] يەردە ياتماق. كۆرپىدە ياتماق. * ئالدىرىغاننىڭ ئېشىكى يېتىۋاپتۇ (ماقال). * ياتار قورساق كېتەر قورساق (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىگىلىمەك، تۇرماق، ساقلانماق:[مىسال:] بىر دۆۋە كىتاب شىرە ئۈستىدە ياتاتتى. * ئەكبەر كەنت ئىشخانىسىغا كىرىۋېتىپ، بوسۇغىدا توختاپ قالدى. ئۈستەللەرنى توپا باسقان، مەشنىڭ ئوتى ئۆچكەن، يەردە ئاپئاق كۈل چېچىلىپ ياتاتتى.[يەشمىسى:] ③ تۈنىمەك، ئۇخلىماق:[مىسال:] سىزنى پادىشاھ بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە تاپقانىدۇق. مېنىڭمۇ سىزدە ھەققىم بار، شۇڭا بۈگۈن بىر كېچە ئىككىمىز بىللە ياتساق، دەپتۇ ۋەزىر پەزىلەتخانغا.[يەشمىسى:] ④ قامالماق، سولانماق:[مىسال:] مەن «بۇ كامېردا ياتقىلى يەتتە ئاي بولدى. بىر قېتىممۇ سوراق قىلىنمىدىم. بىكاردىن-بىكار شۇنچىلىكمۇ يېتىپ كەتتىما» دەپ ئويلايتتىم.[يەشمىسى:] ⑤ توختىماق، توختاپ قالماق؛ تۇرۇۋالماق:[مىسال:] ئۇ دۈيجاڭ بولمايمەن دەپ يېتىۋالدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەئەللۇق، تەۋە بولماق؛ ماس، مۇناسىپ كەلمەك:[مىسال:] ناخشا ۋاكاللىق مۇزىكا تۈرىگە ياتسىمۇ، ئادەتتە چالغۇچىلارنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن بېجىرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى پەقەت ۋاكاللىق مۇزىكا دەپلا قاراشقا بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ رەۋىش ۋە رەۋىشداشلار بىلەن بېرىكىپ، ئىش-ھەرىكەت ياكى ھالەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئىشلەپ ياتماق. * قارا چاپانلىقلار تېخىچە تىنچ ياتماي، يۇرتنى قىپچاقلارغا قارشى قوزغىماقچى بوپتۇ، ئىشنى يەنە تەدبىرسىز قارا چاپانلار قولىغا ئېلىپ مەملىكەتنى بۇزغۇنچىلىققا سالماقچى بوپتۇ، دېدى ھامىد شاھقا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ.

يېتىپ يېمەك

  • يېتىپ يېمەك[يەشمىسى:] ئىشلىمەي، ئەمگەك قىلمايلا ھالاۋىتىنى كۆرمەك:[مىسال:] كەتمىنىنى مەن چاپسام، يېتىپ يەيدۇ خان غوجام (ماقال). * يوق دېسە يېتىپ يەڭ (ماقال). * يېتىپ يېگەنگە تاغ توشىماس (ماقال).

يات-يوپۇر

  • يات-يوپۇر [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يات، تونۇشمايدىغان.

ياچېيكا

  • ياچېيكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىرەر چوڭ تەشكىلات تەركىبىدىكى كىچىك بىر تەشكىلىي گۇرۇپپا:[مىسال:] ياچېيكا يىغىنى. ياچېيكا ئەزاسى. * ئۇ يول تەرەپكە قارىدى-دە، ۋېلىسىپىتتىن چۈشۈۋاتقان ياچېيكا شۇجىسى بىلەن كۆرۈشۈپ سوئالغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردى.

ياچى

  • ياچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يا ياسايدىغان ئادەم:[مىسال:] پادىشاھ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ياچىنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ.

ياچىۋەك

  • ياچىۋەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. پۈتۈن تېنى يېشىل ياكى توپا رەڭ، بېشى ئۈچ بۇرجەك كېلىدۇ. ھەرىكىتى چاققان. سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى يىپسىمان، مەيدىسى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، قانىتى ئىككى جۈپ، ئالدى پۇتى ئورغاق شەكلىدە بولىدۇ. زىيانداش ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، دېھقانچىلىققا پايدىلىق.

ياخشى

  • ياخشى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوبدان، بەلەن، ياماننىڭ ئەكسى:[مىسال:] ياخشى ئادەم. ياخشى ئىش. * رەھمىسى يوق ئادەمدىن، رەھمىسى بار ئىت ياخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دەل ۋاقتىدا؛ تازا، راسا، خوپ:[مىسال:] بۇنى تېخى بىرەرىگە سۆزلەپ بەرگىم كېلىپ ئولتۇراتتىم، ياخشى كەپسىز.

ياخشى بولماق

  • ياخشى بولماق[يەشمىسى:] ① ياخشى ھالەت شەكىللەنمەك، ياخشىلانماق:[مىسال:] ياشلىقىڭدىن ياخشى بول (ماقال). *ياخشى بولساڭ ئېشىڭنى يەيسەن، يامان بولساڭ بېشىڭنى يەيسەن (ماقال). * يامان كۈنلەر ياخشى بولۇر، يامان ئادەم ياخشى بولماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② ساقايماق، ئەسلىگە كەلمەك، ئوڭشالماق، ياخشىلانماق:[مىسال:] قۇددۇس كېسىلىنىڭ ھەربىر قېتىم ۋاقتىنچە ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان چاغدا خۇددى بۈگۈنكىدەك ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ، مىللىي ئارمىيىگە قوشۇلۇۋېلىش ئۈچۈن تالاغا ماڭاتتى.[يەشمىسى:] ③ يارىماق، ياقماق:[مىسال:] ھازىرقى كۈندە باشقىلارغا ياخشى بولماقمۇ قىيىن بولۇپ قاپتۇ.

ياخشى بولۇپ قالماق

  • ياخشى بولۇپ قالماق[يەشمىسى:] ① تۈزۈلمەك، ئوڭشالماق، ياخشىلانماق، ئۆزگەرمەك:[مىسال:] ئۇ بۇرۇن بىر ئۆتۈپ كەتكەن شاللاق نېمىتى، ھازىر خېلى ياخشىپ پ قالماق:[مىسال:] ئۇلار خېلى ياخشى بولۇشۇپ قالغاندۇر، دەپ سورىدىم ئايالىمدىن.

ياخشى كۈن

  • ياخشى كۈن[يەشمىسى:] باياشات تۇرمۇش، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش:[مىسال:] كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس، خۇدايىم ياخشى كۈنلەرنى بەرسە، دېدى روزى مۇھەممەت يەرگە كۈنجۈرە چېچىۋاتقان ئايپاشاغا كۆزنى قىسىپ.

ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا

  • ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا[يەشمىسى:] ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ، بىرەر يامان ھادىسە يۈز بېرىپ قالسا:[مىسال:] تاغاڭ مېنىڭ بىر نەۋرە ئاكام بولسىمۇ، بىر قورساقتىن چىققان قېرىندىشىم ئەمەس، ناۋادا ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا، قولىنى يۇيۇپ، قولتۇقىغا سۈرتمەيدۇ دېگىلى بولامدۇ؟

ياخشىچاق

  • ياخشىچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى مەلۇم بىر كىشىگە شۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم قىلىپ كۆرسىتىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ياخشىچاق ئادەم ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ.

ياخشىچاقلىق

  • ياخشىچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياخشى كۆرۈنۈش ھەرىكىتى، ياخشى بولۇش ئادىتى:[مىسال:] باشلىققا ياقامدۇ-يوق ياخشىچاقلىق، ياقتۇرسا ياخشىچاقنى ئۇمۇ چاغلىق.

ياخشىسى

  • ياخشىسى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «ئەڭ ئاسىنى، مۇۋاپىقى، توغرىسى» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ:[مىسال:] ياخشىسى قوشۇنلىرىمىزنى ئېلىپ تۆۋەن تەرەپكە يۈرۈش قىلايلى-دە، ئاكا-ئىنىلەر ئارىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كۈتەيلى.

ياخشىلاشتۇرماق

  • ياخشىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ياخشىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا نىيازنىڭ ئۆگەي ئانىسىغا تەربىيە بېرىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ياخشىلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

ياخشىلاشتۇرۇشماق

  • ياخشىلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ياخشىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياخشىلاشتۇرۇلماق

  • ياخشىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ياخشىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ياخشىلاشماق

  • ياخشىلاشماق[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] ئەپلەشمەك، ياراشماق؛ ئىتتىپاقلاشماق، ئىناقلاشماق:[مىسال:] ئايالىم ئىككىمىز بەزىدە ئۇرۇشۇپ، بەزىدە ياخشىلىشىپ يۈردۇق.

ياخشىلانماق

  • ياخشىلانماق[يەشمىسى:] «ياخشىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.

ياخشىلىق

  • ياخشىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياخشى ئىش، ياخشى ھەرىكەت:[مىسال:] ياخشىلىق يېنىپ تۇرغان چىراغ (ماقال). * يامىنىنى ئېيتماي، ياخشىلىق يوق (ماقال). * ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز ئىختىيارى بىلەن باشقا كىشىلەر مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىش قىلىش؛ مېھرىبانلىق، غەمخورلۇق:[مىسال:] ئۇ قۇدرەتتىن يەنە قانداقتۇر بىر ياخشىلىق كۈتكەندەك ئۇنىڭغا تىكىلدى.

ياخشىلىقچە

  • ياخشىلىقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمەي، ياخشىلىق بىلەن، ئۇرۇش-جاڭجالسىز:[مىسال:] نېمىشقا ئۈنچىقمايسەن خام-خىيال قىلماي، ياخشىلىقچە ماڭا يول بەر، بولمايدىغان بولسا، يا سەن ئۆلىسەن، يا مەن ئۆلىمەن

ياخشىلىماق

  • ياخشىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ سۈپىتىنى، ھالىتىنى بۇرۇنقىدىن ياخشىراق ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئۆزگەرتمەك:[مىسال:] ئۇ مەكتەپ ۋەزىيىتىنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا جىق ياخشىلىدى.

ياخشى-يامان

  • ياخشى-يامان[يەشمىسى:] ياخشى ۋە يامان:[مىسال:] خۇدايىم، ئۆزۈڭگە تاپشۇردۇم، يامان كۆزدىن تاشقىرى، ھەي، بىرەر ياخشى-يامانلارغا يولۇقۇپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ، دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە. * دىلدا كېزىپ جاھاننى، بايقاپ ياخشى-ياماننى، سەندەك گۈزەل ماكاننى تاپتىم بىرلا مۇبارەك.

ياد

  • ياد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خاتىرە، ئەس:[مىسال:] ياد ئالماق. يادىدا تۇتماق. * ئۈلگىمىز ئۇ باھادىرلىق، مەردلىك بابىدا، شۇڭلاشقىمۇ ياشار مەڭگۈ ئەلنىڭ يادىدا

يادا

  • يادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] «يامغۇر»غا قاراڭ.

ياداتماق

  • ياداتماق[يەشمىسى:] «يادىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنى يادىتىدىغان بەزى ھېلىقىدەك گەپلەر بولدى.

ياداق

  • ياداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خار.

ياداڭ

  • ياداڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياداڭغۇ:[مىسال:] ھېس-تۇيغۇ ئەقىلنىڭ كۈچ ۋە قۇدرىتى چولپاندەك كۆزلەردە تولۇق نامايان. ئاھ، ياداڭ چىرايى بۇغداي ئۆڭلۈكتى، تۇرقىدا مەردلىك ۋە قەتئىيلىك ئايان.

ياداڭغۇ

  • ياداڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يادىغان، ياداپ كەتكەن، ئورۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ ياداڭغۇ، قانسىز چىرايىدىن ئۇزۇن يىل دەرد تارتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

ياداڭغۇلۇق

  • ياداڭغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياداڭغۇ ھالەت، ئورۇقلۇق:[مىسال:] مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قايتا ئۇنىڭغا سەپسالغىنىمدا، پۈتۈن كېسەللىك ئازابى گويا ئۇنىڭ ياداڭغۇلۇقىدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئاشۇ بىر جۈپ كۆزىگە يىغىلىپ قالغاندەك، بىر تامچە ياش ئاستا مەڭزىنى بويلاپ ياستۇققا ئېقىپ چۈشتى.

يادايچا

  • يادايچا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەخمىنەن، قارىسىغىلا.

ياداي-چۇداي

  • ياداي-چۇداي [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاددىي، غورىگىل، چۆپچۆل، قاتتىق-قۇرۇق؛ ئىلاجسىز.

يادرو

  • يادرو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئۇتتۇرا نۇقتىسى؛ قاق ئوتتۇرىسى، ئىچكى مەركىزىي قىسمى، مېغىزى:[مىسال:] ھۈجەيرىنىڭ يادروسى. * ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يادروسى — لوگىكىلىق تەپەككۇر قابىلىيىتى ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر كوللېكتىپ، گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي قىسمى، مۇھىم قىسمى؛ تايانچ:[مىسال:] پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش لازىم.[يەشمىسى:] ③ ئاتوم يادروسى.

يادرو رېئاكسىيىسى

  • يادرو رېئاكسىيىسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم بىر خىل مىكرو زەررىچە ئاتوم يادروسى بىلەن ئۆزئارا تەسىرلەشكەن چاغدا يادرونىڭ تۈزۈلۈشىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىش بىلەن يېڭى يادرو ھاسىل بولۇش ھەمدە بىر ياكى بىرنەچچە زەررىچە چىقىش جەريانى. يادرو رېئاكسىيىسى ئاتوم يادروسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ۋە ئاساسىي زەررىچىلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يادرو ئېنېرگىيىسى

  • يادرو ئېنېرگىيىسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتوم ئېنېرگىيىسىنىڭ ئۆزى. چۈنكى يادرو ئېنېرگىيىسى ئاتوم يادروسى پارچىلانغاندا ياكى سىنتېزلانغاندا (بىرىككەندە) ئاندىن قويۇپ بېرىلىدۇ.

يادروچاق

  • يادروچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئىچىدىكى نۇر سۇندۇرۇش كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان شارسىمان تەنچە. ئۇ ئاقسىللىق تەنچىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولغان يادرو قەنت كىسلاتاسىنى سىنتېزلىغۇچى مەيدان ھېسابلىنىدۇ. يادروچاق ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە يوقىلىپ، كېيىنكى دەۋرىدە پەيدا بولىدۇ.

يادروسىز

  • يادروسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يادرو قوراللار بولمىغان، يادرو قوراللىرى يوق؛ يادرو ئىشلىتىلمىگەن:[مىسال:] يادروسىز دۆلەت. يادروسىز ئۇرۇش.

يادروسىزلاندۇرماق

  • يادروسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «يادروسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يادروسىزلاندۇرۇشماق

  • يادروسىزلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «يادروسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يادروسىزلاندۇرۇلماق

  • يادروسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «يادروسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يادروسىزلانماق

  • يادروسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يادرو قوراللىرىدىن خالىي بولماق:[مىسال:] يادروسىزلانغان دۆلەت. يادروسىزلانغان رايون.

يادرولۇق

  • يادرولۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالاقىدار شەيئىلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، ئاساسلىق، مېغىزلىق، تۈپ:[مىسال:] يادرولۇق مەسىلە. يادرولۇق مەزمۇن.

يادلاتماق

  • يادلاتماق[يەشمىسى:] «يادلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇئەللىم بىزگە ل. مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرىنى يادلاتتى.

يادلاشماق

  • يادلاشماق[يەشمىسى:] «يادلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] پەزىلەت بىلەن نۇسرەت شېئىرلارنى يادلىشىپ بولۇشتى.

يادلانماق

  • يادلانماق[يەشمىسى:] «يادلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يايلاقتا ئۆتكۈزگەن ئۇنتۇلماس شۇ كۈن، قالىدۇ ئېسىمدە «گۈزەل» ئاتىلىپ. قالىدۇ يالقۇنلۇق يۈرەك قېتىمدا، بولۇپ چىن خاتىرە مەڭگۈ يادلىنىپ.

يادلىماق

  • يادلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يادىدا، ئېسىدە قالدۇرماق، ياد ئالماق:[مىسال:] مەن ھەركۈنكى ئادىتىم بويىچە بۈگۈنمۇ سەھەر تۇرۇپ، بىرئاز گىمناستىكا ئوينىغاندىن كېيىن، ئىشىك ئالدىدىكى گۈللۈككە قاراپ ئولتۇرۇپ رۇس تىلى دەرسلىكىنى يادلاشقا باشلىدىم.[يەشمىسى:] ② ئەسلىمەك، سېغىنماق، ياد ئەتمەك:[مىسال:] خاپىلىق ئىچىدە، قايمۇقۇپ يۈرگىنىمدە، مەشئەل بولۇپ ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئاشۇ قەيسەر ياخشى ئادەمنى چەكسىز سېغىنىش بىلەن يادلايمەن.

يادنامە

  • يادنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① ئۆلگۈچىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ قەبرە ئالدىغا قويۇلغان تاش ئابىدە ۋە ئۇنىڭغا ئويۇلغان خەت، يېزىق:[مىسال:] قۇددۇسنىڭ بىر جۈپ قوي كۆزى تېخىچىلا ئۇنتۇلماس ئوقۇغۇچىلىق ھايات كۆرۈنۈشلىرى بىلەن تولغان بىر تەۋەررۈك يادنامە بەتلىرى ئۈستىدە ئوينىماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② خاتىرە، ئەسلەتمە:[مىسال:] ئاپرېل بايرىمى ئۈچ كۈن داۋام قىلىپ كىشىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز يادنامە بولۇپ قالدى.

يادىتاش

  • يادىتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يادا+تاش[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ① كېسەل ئات، كالىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدىن چىقىدىغان بىر خىل تاش. كۆپىنچە يۇمىلاق ياكى يالپاقراق يۇمىلاق بولىدۇ. چوڭلۇقى بىر خىل بولمايدۇ. كىچىكلىرى پۇرچاقتەك، چوڭلىرى مۇشتتەك، بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ. سىرتى سۇس ھاۋا رەڭ، كۈل رەڭ ۋە قارا بولىدۇ، سىلىق ھەم پارقىراپ تۇرىدۇ ياكى چاينالغان ئوتنىڭ ئىزى بولىدۇ. تاشتەك قاتتىق كېلىدۇ. كېسىلگەن يۈزىنىڭ رەڭگى بوز رەڭ بولۇپ، قات-قات سىزىقلىرى بولىدۇ. ئەينەككە ئوخشاش پارقىرايدۇ. ئادەتتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەرنى تارقىتىدۇ، چۆچۈشنى باسىدۇ، بەلغەمنى يۇمشىتىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئادەمنى جىم تۇرغۇزمايدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان نەرسە:[مىسال:] بالام، شەۋكەت، ئىچىڭدە يادىتېشىڭ بارمىكىن، تاڭ بىردەم ماڭساڭ نېمە بولۇپ كېتەرسەن خەپ، ئۆيگىمۇ بارارسەن... دەيتتى ئايال پوپوزا قىلىپ.

يادىچى

  • يادىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يامغۇر ياغدۇرىدىغان سېھىرگەر:[مىسال:] مەشھۇر يادىچىلارنىڭ يادىتاش (ئەپسانىۋى چۈشەنچە بويىچە يامغۇر ياغدۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دەپ قارىلىدىغان بىر خىل تاش) لىرىنى كۆز يېشى بىلەن ئەملەپ تۇرۇپ ئوقۇغان مۇناجاتلىرى، كارامەتچىلەرنىڭ كارامەتلىرى ئۆز كۈچىنى يوقاتقانىدى.

يادىكار

  • يادىكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى شەخسنى ئەسلىتىش ۋە كۆڭلىنى ئېلىش، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن تەقدىم قىلىنغان نەرسە، سوۋغا، نىشانە:[مىسال:] يادىكار قىلماق. * جىمجىتلىق ئىچىدە قولۇمدىكى سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئەر-ئاياللار ئىسمى.

يادىكارلىق

  • يادىكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يادىكار قىلىنىدىغان نەرسە:[مىسال:] بۇ گۈل مەن ئويلىغاندەك نەۋباھار قۇچىقىدا ئېچىلغان تەبىئەتنىڭ سولماس يادىكارلىقى بولماستىن، بەلكى تۈركىيىنىڭ بازارلىرىدا ساندۇقلاپ سېتىۋېلىشقا بولىدىغان قەغەز ۋە يىپەكتىن گۈلگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئەرزان باھالىق زىننەت بۇيۇمى بولۇپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② تارىختىن قېلىپ قالغان ۋە خاتىرە سۈپىتىدە ساقلىنىدىغان نەرسىلەر:[مىسال:] تارىخىي يادىكارلىق. مەدەنىيەت يادىكارلىقى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندىن ساقلىنىپ قالغان بارلىق يادنامىلارنىڭ ئورتاق نامى.

يادىماق

  • يادىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوروقلىماق، ئورۇقلاپ كەتمەك:[مىسال:] باقى قويچىغا شەرۇللا تېخىمۇ ياداپ كەتكەندەك كۆرۈندى.

يارⅠ

  • يارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەڭ يېقىن كىشى؛ دوست، بۇرادەر، ئاغىنە:[مىسال:] مەدەتكار بولاي، زۇلپىقار بولاي. بىريولى دوستلار، يارغا يار بولاي.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا تونۇشقان، مۇھەببەتلەشكەن؛ مەشۇق (قىز-يىگىت ھەققىدە):[مىسال:] ۋاپادار يار. يارنى كۈتمەك. * يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار يوق (ماقال).* يار ئوتىنىڭ يارىسى يوق، ياردىن باشقا دورىسى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەدەت، ئىلھام، يار-يۆلەك:[مىسال:] قىيىن كۈنلەردە ئۇ ماڭا يار.

يار بولماق

  • يار بولماق[يەشمىسى:] مەنىۋى جەھەتتە ياردەم، مەدەت، ئىلھام بولماق؛ ھەمدەم، يار-يۆلەك بولماق:[مىسال:] بەخت يار بولماق. زەپەر يار بولماق. * جاھاندا بار بولساڭ يار بول (ماقال).

يار قىلماق

  • يار قىلماق[يەشمىسى:] ھەمدەملەشتۈرمەك:[مىسال:] بولما شەيدا قاش-كۆزىگە، قىل ئىلىمنى، پەننى يار، باشقا يارلار ئەگىشەر، بولساڭ ئىسەن دەيمەن يەنە.

يارⅡ

  • يارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. سۈۋە[يەشمىسى:] تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن شەكىللەنگەن ئىنتايىن تىك چوڭقۇرلۇق؛ يارداڭ، قىيا:[مىسال:] يار ئېلىپ كەتمەك. * بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كەتتى (ماقال). * يامان كالا ياردا مۇزلاپتۇ (ماقال).

يار لېۋىگە بېرىپ قالماق

  • يار لېۋىگە بېرىپ قالماق[يەشمىسى:] ئېغىر خەتەرگە يېقىنلاشماق:[مىسال:] ئۇ ھازىر يار لېۋىگە بېرىپ قالدى.

يارⅢ

  • يارⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «يار بەرمەك»كە قاراڭ.

يار بەرمەك

  • يار بەرمەك[يەشمىسى:] شارائىت يارىتىلماق، ئىمكانىيىتى بولماق:[مىسال:] قېنى، ئەھۋالغا قاراپ باقارمىز، ۋاقىت يار بېرەمدۇ-يوق * يۈرىكىمدە بىر دەرد بار، ئۆتكەن قېتىم ئەزىز ئىنىم سىلىگە ئېيتماقچى بولغانىدىم، پۇرسەت يار بەرمىدى، دېدى ئۇ.

يارا

  • يارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تىغدىن، قاتتىق زەربىدىن ياكى بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش ھەرىكىتىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن بەدەندە پەيدا بولىدىغان جاراھەت، زەخىم:[مىسال:] يارا چىقماق. يارا بولماق. * ئۇكىسىنىڭ ئايالى بالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن كېچە-كۈندۈز يىغلاپ يۈز-كۆزىنى تاتىلاپ يارا قىلىۋېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچلۈك قايغۇ، روھىي ئازاب، ئەلەم، غەم؛ ھەسرەت:[مىسال:] ئانا قىزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ئويلىسا كونا يۈرەك يارىسى يەنە قوزغىلاتتى.

ياراتقۇچى

  • ياراتقۇچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يارىتىدىغان، ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان:[مىسال:] يېڭىلىق ياراتقۇچى ئادەملەر. ∥ تۆھپە ياراتقۇچى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇدا، ئاللاھ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] گېگېلنىڭ ئىدېئالىستىك پەلسەپىسىدىكى سىرلىق «مۇتلەق ئىدىيە».

ياراتماقⅠ

  • ياراتماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر يېڭىلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەك، بەرپا قىلماق، ئىجاد قىلماق؛ تۇغدۇرماق:[مىسال:] ئۆلمەسنى خۇدا ياراتماس (ماقال). * يارىتىش خۇدادىن، يارىلىش ئۆزۈڭدىن (ماقال).

ياراتماقⅡ

  • ياراتماقⅡ[يەشمىسى:] «يارىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن پۇتۇمنى ياراتمايمەن، پۇتۇم مېنى ياراتمايدۇ (ماقال).

ياراشتۇرماقⅠ

  • ياراشتۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «ياراشماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۆمۈر ئاتا ئىككى كەنت كىشىلىرىگە تەڭ كۆڭۈل ئېيتىپ ئۆزرىخاھلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزئارا قول ئېلىشتۈرۈپ ياراشتۇرۇپ قويدى.

ياراشتۇرماقⅡ

  • ياراشتۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «ياراشماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىزنىڭ دىرېكتور، كىيىم-كېچەكنى سېمىزلىكىدىن دۈپدۈگىلەك بولۇپ قالغان بويىغا ياراشتۇرۇپ كىيىپ، رەتلىك، پاكىز يۈرىدۇ.

ياراشتۇرۇشماق

  • ياراشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ياراشتۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەلچىلەر ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇشتى.

ياراشتۇرۇلماق

  • ياراشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ياراشتۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇرۇشخۇمار ئىككى تەرەپ ئاخىرقى ھېسابتا ياراشتۇرۇلدى.

ياراشماقⅠ

  • ياراشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياخشىلاشماق، ئەپلەشمەك، ئىتتىپاقلاشماق، ئىناقلاشماق، چىقىشىپ قالماق؛ كېلىشمەك:[مىسال:] خۇماخان كۈزلۈك ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاجرىشىپ كەتكەن ئېرى بىلەن يارىشىپ كېتىپ قالغانىدى.

ياراشماقⅡ

  • ياراشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماس، مۇۋاپىق كەلمەك، ئەپلەشمەك، كېلىشمەك:[مىسال:] ئوتتۇرا بوي، ياشلار پاسونىدا ئىشلەپ تىكىلگەن كالتە جۇۋىسى بۇ يىگىتنىڭ قاۋۇل بەستىگە خويمۇ ياراشقانىدى.

ياراغ

  • ياراغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھۇجۇم قىلىش ياكى ھىمايە قىلىش ۋە قوغدىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قورال:[مىسال:] ئاتام ھازىر تۆمۈرچىلىك قىلىدۇ، خان ئەسكەرلىرى ئۈچۈن ياراغ ياسايدۇ.[يەشمىسى:] ② ئەسۋاب، ئەسلىھە:[مىسال:] ئۆزۈم يالغانچى ئەمەس، يارىغىم يالغانچى (ماقال).

ياراغسىز

  • ياراغسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قولىدا قورالى يوق، قوراللانمىغان؛ قورالسىز:[مىسال:] «بىلىپ قويدۇم، بۇ تۇرسۇن ئەمەس، بەلكى ياراغسىز ئىسيانكارنىڭ بىرى ئىكەن» دەپ ئويلىدى ئەمەت.∥ ئۇلار زاپاس قىسىمدىكى ئاددىي ئەسكەرلەرنى ئالدىنقى سەپكە خۇددى ئادەتتىكى يولۇچىلاردەك تامامەن ياراغسىز يولغا سالغانىدى.

ياراغسىزلاندۇرماق

  • ياراغسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ياراغسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار خان لەشكەرلىرىنى كىچىككىنە شەپە بىلەنلا ياراغسىزلاندۇردى.

ياراغسىزلاندۇرۇشماق

  • ياراغسىزلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ياراغسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياراغسىزلاندۇرۇلماق

  • ياراغسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ياراغسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ياراغسىزلاندۇرۇلۇپ سۈرگۈن قىلغاندىن باشلاپ قاچقۇنلۇقتا ياشىدى.

ياراغسىزلانماق

  • ياراغسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يارىغىدىن ئايرىلماق، مەھرۇم بولماق، يارىغىنى تاشلىماق:[مىسال:] ياراغسىزلانغان دۈشمەندىن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ياراغلىق

  • ياراغلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورال تۇتقان، ئاسقان، كۆتۈرگەن؛ قوراللانغان:[مىسال:] ياراغلىق ئادەم. * زىندانبېگى بىرقانچە ياراغلىق گۇندىپاينى باشلاپ زىندان ئىچىگە كىرىپ كەلدى.

ياراغ-جابدۇق

  • ياراغ-جابدۇق[يەشمىسى:] ھەر خىل قورال-ئەسۋابلار، قورال-ياراغ:[مىسال:] ئەمدى ئۇلارنى ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەنسۇن دەپ ياراغ-جابدۇق، ئات، سەرپايلار بېرىپ، بىرنەچچە يىگىتلەرنى قوشۇپ قويدى.

ياراق

  • ياراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇئەييەن تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىدىغان، بىرەر نەرسىگە ياكى بىرەر مەقسەتتە ئىشلەتسە بولىدىغان، ھەرقانداق ئېھتىياجغا يارايدىغان، ياراملىق:[مىسال:] ياراق مال. ياراق قوي.

ياراقسىز

  • ياراقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر تەلەپكە جاۋاب بېرەلمەيدىغان، بىرەر مەقسەت ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان، بىرەر نەرسىگە يارىمايدىغان، يارامسىز:[مىسال:] دۆشىلىك كېرەك بولسا خالىغىنىڭنى ئال، ئەمما سەن دېگەندىن بېرەلمەيمىز، ئۇنى كەسسەڭ قىسقىراپ قۇرۇلۇشقا ياراقسىز بولۇپ قالىدۇ.

ياراقسىزلىق

  • ياراقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارىمايدىغان ئىللەت، نۇقسان.

ياراقلىق

  • ياراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇئەييەن تەلەپلەرگە جاۋاب بېرەلەيدىغان، بىرەر نەرسىگە ياكى بىرەر مەقسەتتە ئىشلەتسە بولىدىغان:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، ئىككىسى نىلقا تاغلىرىغا قاراپ يول ئالماقچى بولۇشتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاقىلبىك ياراقلىق ئىككى ئات تاپماقچى بولۇپ كېلىشكەنىدى.

يارالماق

  • يارالماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۇغۇلماق، دۇنياغا كۆز ئاچماق، تۆرەلمەك:[مىسال:] خوتۇن-قىزلار پەقەت ئەرلەرنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇش ئۈچۈنلا يارالغانمۇ * ئۇ تامامەن باشقا ماتېرىيالدىن يارالغان قىز.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق:[مىسال:] ئۇ بىللە زاۋۇتتا ئىشچىلار بىلەن، يالقۇنلار ئىچىدە قىلماقتا مېھنەت؛ يارىلار ھەر مىنۇت قانچىلاپ رېكورت، بەرگەچكە پارتىيە ئىلھام ۋە مەدەت. * ياش گېئولوگ تۆگە ئۈستىدە، يۈرگۈزەتتى ئاشۇنداق پىكىر، ئۇنىڭ پىكىر-تەپەككۇرىدىن، يارىلاتتى ئوتلۇق بىر شېئىر.

يارام

  • يارام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياراملىق، يارايدىغان:[مىسال:] يارام ئات. يارام كاسىپ. * ئۇنىڭ باشلىققا:[مىسال:] «يارام ھۈنەرۋەندىن كىرگۈزەي» دەپ كۇسۇرلاشلىرى بوۋاينىڭ غەزەپ قېپىنى يېرىۋەتتى.

يارامسىز

  • يارامسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا، ئىستېمالغا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان، سۈپىتىنى يوقاتقان، ئۆزگەرتكەن؛ يارىماس:[مىسال:] يارامسىز تۆمۈر. يارامسىز مەھسۇلات.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا يارىمايدىغان، بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان؛ ناقابىل، قابىلىيەتسىز:[مىسال:] زور-زور ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدىدا مېڭىپ، كۆپچىلىككە يول باشلاپ كەلگەن ئادەملەر ئىدۇق، ئەمدى يارامسىز بولۇپ قالدۇقمىكىنە

يارامسىزلىق

  • يارامسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچ ئىشقا يارىماسلىق، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق ھالىتى:[مىسال:] باقىنىڭ تۈلكىلىكى، باشلىقنىڭ دىتسىز، يارامسىزلىقى مانا بۇ ئۈچى بىرلىشىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىر ھېسابتا سەمەت ئۇتقان بولدى.

ياراملىق

  • ياراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا، ئىستېمالغا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، سۈپىتى يوقالمايدىغان، ئۆزگەرمىگەن:[مىسال:] ياراملىق مەھسۇلات. ياراملىق ماتېرىيال. * تۇرمۇشتا ئەڭ يارامسىز نەرسە — مال-مۈلۈك، ئەڭ ياراملىق نەرسە — ئەقىل-پاراسەت.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا يارايدىغان، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان؛ قابىلىيىتى بار، قابىليەتلىك:[مىسال:] ئۇ رەيھاننى ئوقۇتۇشنى، ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى قىلغانىدى ۋە بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى.

يارانماق

  • يارانماق[يەشمىسى:] «يارىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يارىتىش خۇدادىن، يارىنىش ئۆزۈڭدىن (ماقال).

يارايدۇ

  • يارايدۇ[يەشمىسى:] «يارىماق» پېئىلىنىڭⅢشەخس بىلەن تۈرلەنگەن شەكلى. «بولىدۇ، ياخشى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىلەرنىڭ بۇ روھىڭلار يارايدۇ، دېدى ئابلىكىم مۇئەللىم سەمىمىي كۈلۈمسىرەپ.

يارەن

  • يارەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دوستلار، ئاغىنىلەر، يولداشلار، بۇرادەرلەر.

يار-بۇرادەر

  • يار-بۇرادەر[يەشمىسى:] يار ۋە بۇرادەر:[مىسال:] ئەقىللىق ئادەم يار-بۇرادەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ سەۋر قىلىپ باتۇرلۇق كۆرسىتەلەيدۇ، تۈرلۈك غەملەرنى يېڭەلەيدۇ.

يارتا

  • يارتا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېرىم، پارچە:[مىسال:] يارتا قوغۇن. يارتا خالتا ئۇن. * ئىككى يارتا — بىر پۈتۈن (ماقال).

يارتىلاتماق

  • يارتىلاتماق[يەشمىسى:] «يارتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يارتىلاشماق

  • يارتىلاشماق[يەشمىسى:] «يارتىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يارتىلانماق

  • يارتىلانماق[يەشمىسى:] «يارتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يارتىلىماق

  • يارتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېرىم ھالەتكە كەلتۈرمەك، يېرىملاتماق؛ پارچىلىماق:[مىسال:] سېمىز قوينى يارتىلاپ كانارىغا ئېسىۋاتقان قاسساپ ھاجىنى كۆرۈپ، قىلىۋاتقان ئىشىدىن توختىدى.

يار-جانان

  • يار-جانان[يەشمىسى:] يار ۋە جانان:[مىسال:] ساراڭ بولسام سىزگە ئوخشاش باغۇبوستان، يار-جانان دەپ جۆيلۈپ يۈرمەمتىم، ئاكا دېدى مەتلۇبە ئاكىسى ئەكرەمگە.

يارچەن

  • يارچەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] تارىختا ئېلىمىزدە ئىشلىتىلگەن كۈمۈش پۇل؛ تەڭگە:[مىسال:] ئۇ يانچۇقىنى سىلاپ باقتى. يانچۇقىدىكى يارچەنلەر قولىغا ئۇرۇنۇپ تۇراتتى.

يارداڭ

  • يارداڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يار بار جاي، يار:[مىسال:] ھاشىم بوۋاي ياشلىقىدا تىنىم تاپماي ئەمگەك قىلىدىغان كۈچلۈك ئادەم بولۇپ، ئۇزۇن كەتكەن بىر يارداڭنى تىندۇرۇپ ئۈچ كۈرىلىك يەر ئاچقانىدى.

يارداڭلىق

  • يارداڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرقانچە يار بار جاي، يارداڭ جىق جاي:[مىسال:] كىچىك ۋاقتىمدا دوستلىرىم بىلەن «جەڭ» قىلىپ ئوينايدىغان ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كونا يارداڭلىق يادىمغا چۈشتى.

ياردەم

  • ياردەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى قىلىشتا ھەمكارلىشىش، قارىشىش؛ ھەمكارلىق، مەدەت:[مىسال:] ياردەم بەرمەك. ياردەم قىلماق. * گۈلچىمەن ھوشۇر ئەلەسنىڭ ياردىمى بىلەن بازارغا ئاتاپ ئىشلىگەن رېشىلىيەنىڭ يېرىمىنى ساتالىدى.[يەشمىسى:] ② ھەمكارلىشىش يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان پۇل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماددىي نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ ئاكىسىنىڭ ياردىمى بىلەن سودىنى باشلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ پايدىلىق تەسىر، نەپ، مەنپەئەت:[مىسال:] مەن ئوكۇلنىڭ ياردىمى بىلەن كۈندىن-كۈنگە ساقىيىشقا باشلىدىم.

ياردەمچى

  • ياردەمچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغۇچى، ياردەم بەرگۈچى، ياردەملەشكۈچى، مەدەتكار:[مىسال:] ئۇ يالغۇز ئارسلاننىڭلا ئەمەس، سۇتۇق بۇغراخاننىڭ، ئايدىڭنىڭمۇ ئىشەنچىلىك ياردەمچىسى بولۇپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەھبىرىي خادىم ئورۇنباسارى:[مىسال:] نازىر ياردەمچىسى. رەئىس ياردەمچىسى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوشۇمچە پايدىلىنىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان، غەملەپ قويۇلغان، ئاجرىتىلغان، مۆلچەرلەنگەن؛ قوشۇمچە:[مىسال:] ياردەمچى كۈچ. ياردەمچى قىسىم.

ياردەمچى ئادۋۇكات

  • ياردەمچى ئادۋۇكات[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئەدلىيە كەسپى بويىچە بېرىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغان كىشى.

ياردەمچى ئاگرونوم

  • ياردەمچى ئاگرونوم[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە بېرىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغان كىشى.

ياردەمچى بوغالتىر

  • ياردەمچى بوغالتىر[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] مالىيە ئىشلىرىغا نازارەت قىلىدىغان ۋە باشقۇرىدىغان بوغالتىرلارنىڭ ياردەمچىسى.

ياردەمچى پېئىل

  • ياردەمچى پېئىل[يەشمىسى:] ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلەلمەيدىغان، باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ گرامماتىك مەنە بىلدۈرىدىغان پېئىل.

ياردەمچى تەتقىقاتچى

  • ياردەمچى تەتقىقاتچى[يەشمىسى:] تەتقىقات كەسپى بويىچە بېرىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىلمىيئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغان كىشى.

ياردەمچى تەرجىمان

  • ياردەمچى تەرجىمان[يەشمىسى:] تەرجىمە كەسپى بويىچەبېرىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغان كىشى.

ياردەمچى ترېنېر

  • ياردەمچى ترېنېر[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ترېنېرلىق كەسپى بويىچە بېرىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغۇچى كىشى.

ياردەمچى لېكتور

  • ياردەمچى لېكتور[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغۇچى كىشى.

ياردەمچى مۇخبىر

  • ياردەمچى مۇخبىر[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] ئاخباراتچىلىق كەسپى بويىچە بېرىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغۇچى كىشى.

ياردەمچى مۇھەررىر

  • ياردەمچى مۇھەررىر[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] نەشرىياتچىلىق كەسپى بويىچە بېرىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغۇچى كىشى.

ياردەمچى ئىنژېنېر

  • ياردەمچى ئىنژېنېر[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] قۇرۇلۇش كەسپى بويىچە بېرىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغۇچى كىشى.

ياردەمچىلىك

  • ياردەمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياردەم بېرىش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] رەھبەرلىكنىڭ تەستىقلىشى بىلەن سىناش جازىسى ياسىلىدىغان بولۇپ، ئادىلغا بىر نەپەر سېلىسار ۋە ئىككى ئىشچى ياردەمچىلىككە بېرىلدى.

ياردەمسىز

  • ياردەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياردەم بېرىلمەي، ياردەم قىلىنماي؛ ياردەم قىلىنمىغان ۋە بېرىلمىگەن:[مىسال:] سۇلايمان ھېچقانداق ياردەمسىزلا ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلىۋالدى.

ياردەملەشتۈرمەك

  • ياردەملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ياردەملەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەزىمەتنىڭ دادىسى يالغۇز بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇشقا ئەۋەتمەي چارۋا بېقىشقا ياردەملەشتۈردى.

ياردەملەشتۈرۈشمەك

  • ياردەملەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ياردەملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياردەملەشتۈرۈلمەك

  • ياردەملەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ياردەملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىشقا ئەركىن ياردەملەشتۈرۈلدى.

ياردەملەشمەك

  • ياردەملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياردەم، مەدەت بەرمەك، ياردەم قىلماق، ھەمكارلاشماق، ياردەمدە بولماق:[مىسال:] سايىمقارىمۇ قۇدرەتنىڭ مەيدىسىدىن تولۇمنى يېشىشكە ياردەملەشتى.

يار-دوست

  • يار-دوست[يەشمىسى:] يار ۋە دوست:[مىسال:] بىللە ئويناپ، بىللە ئۆسكەن يار-دوستلار، ياخشى قال، مىسكىن باشقا سايە بەرگەن، بوستان باغلار ياخشى قال.

يارسىز

  • يارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يارى يوق، يارى بولمىغان، يار تۇتمىغان:[مىسال:] سەن مېنى يار ئەتمىسەڭ، دۇنيادىن يارسىز ئۆتەي، كۆيگىنىمنى بىلمىسەڭ، باغرىمنى يېرىپ كۆرسىتەي.

يارغا

  • يارغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قومۇشنى يېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئويما ياغاچ ساپقا تۆمۈر تىغ بېكىتىلگەن سايمان.

يارغۇزماق

  • يارغۇزماق[يەشمىسى:] «يارماق» پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆيدە ئوتۇن تۈگەپ قالغان، نۇرنىسا قىينىلىپ قالىدۇ، ئوتۇن يارغۇزۇپ بىرەرسىز، دېدى ئۇ ئاكسىغا ئىشىكتىن چىقىۋېتىپ.

يارغۇنچاق

  • يارغۇنچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي، قوناق قاتارلىق دانلىق ئاشلىقلاردىن يارما يارىدىغان تاش سايمان. ئۇنىڭ يەرلىك تۈگمەنگە ئوخشاش ئاستى-ئۈستى ئىككى تېشى بولۇپ، يارما يارغاندا قول بىلەن چۆرۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈلىدۇ:[مىسال:] قىز كۈچى يەتمىسىمۇ تىنىپ-تىنىپ، پېشانە تەرلىرىنى سۈرتۈپ تاغارنى ئاخىر ئۆي ئوتتۇرىسىدىكى يارغۇنچاق بار سۇپىنىڭ يېنىغا ئەكەلدى.

يارقىن

  • يارقىن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۇر چېچىپ، پارقىراپ تۇرىدىغان؛ پارقىراق:[مىسال:] يارقىن نۇر. * ئۇنىڭ ئۈمىد چىرىغى بارغانسېرى يارقىن پارلىماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يورۇق، ئېنىق، روشەن، ئوچۇق، ئاشكارا:[مىسال:] يارقىن يولتۇز. * دىققەت بولغان يۈزلىگەن يارقىن كۆزلەر سابىرغا تىكىلىپ تۇراتتى ۋە ئۇنىڭ ئوتتەك يانغان كۆزلىرىدىن غەزەپلىك ئەلەمنى كۆرەتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

يارقىنلىق

  • يارقىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارقىن ھالەت، يارقىن كەيپىيات:[مىسال:] تەسۋىرنىڭ چىن ۋە يارقىنلىقى — زۇنۇن قادىر ھېكايىلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يارگۈل

  • يارگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يار+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تېنىدە ئاق تۈكلەر بولىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسۈپ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ. گۈلى ئومۇم گۈل رېتىدە، گۈل تاجى كىچىك، گۈل كاسسىسى گۈل تاجى شەكلىدە، كۆكۈچ سۆسۈن، ئاچ قىزىل ياكى ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. كۆرۈنۈشى ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى بېسىش، ئاغرىق توختىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش رولى بار.

يارلىقⅠ

  • يارلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن يار شەكىللىنىپ قالغان جاي؛ يارداڭلىق:[مىسال:] «چاقماق» رازۋېدكىچىلار گۇرۇپپىسى چوڭقۇر يارلىق ئىچىدىكى سۇدىن چىقماي، مەھەللە ئىچىگە ئىلگىرىلىدى.

يارلىقⅡ

  • يارلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] بىركىمگە ئەمەل، ئۇنۋان ۋە شۇ قاتارلىقلار بېرىلگەنلىكى ياكى بىرەر ئىشنى ئورۇنلاش توغرىسىدىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇش، ھۆججەت؛ پەرمان، بۇيرۇق:[مىسال:] يارلىق پۈتمەك. يارلىق چۈشمەك. يارلىق چىقارماق. * پادىشاھ ئادىتى بويىچە ئىنئام بەرسە يارلىقنى ئۆزى يېزىپ، پېچەتلەپ، ئۇنى ئېلىپ بارىدىغان جاينى ئېيتىپ بېرىدىكەن. شۇ ۋەجىدىن دانىشمەنگىمۇ يارلىق سېلىنغان بىر لېپاپنى ئۇزىتىپتۇ.

يارلىقچى

  • يارلىقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارلىقنى يەتكۈزگۈچى:[مىسال:] دەل تۆۋەن تەرەپتىن يارلىقچى «يارلىق» دېگەن سۆز كالۋۇتۇن بىلەن كەشتىلەنگەن بۇيرۇق تۇغىنى كۆتۈرۈپ ئات چاپتۇرۇپ كەلدى.

يارلىقئوت

  • يارلىقئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يارلىق+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يارلىقئوت ئائىلىسىدىكى سۇدا ئۆسىدىغان، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ياتما غولى ۋە چاپما يىلتىزى سۇ ئىچىدە تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى بۆرەكسىمان ياكى يۇمىلاق بولۇپ، سۇ يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. ياز ۋە كۈزدە گۈلى ئېچىلىدۇ. كۆپىنچە شال ئېتىزلىرى ۋە كۆللەردە ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى بېلىق ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ يېمى قىلىنىدۇ.

يارما Ⅰ

  • يارما Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېرىلىدىغان، يېرىلغان:[مىسال:] يارما شاپتۇل. يارما دەستە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] تۈگمەن ياكى يارغۇنچاقتا تارتىلىپ بىرنەچچە پارچە قىلىنغان بۇغداي ياكى قوناق پارچىلىرى يەنى يىرىك تارتىلغان ئۇن:[مىسال:] نورۇز كۆجىسىگە بۇغداي يارمىسىدىن باشقا مالنىڭ بېشى ۋە پاقالچىقى، چامغۇر، گۈلە-قاق سېلىنىدۇ.

يارما ئاش

  • يارما ئاش[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] بۇغداي ياكى قوناق يارمىلىرىنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل تاماق.

يارما پولۇ

  • يارما پولۇ[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] گۈرۈچ ئورنىدا بۇغداي ياكى قوناق يارمىلىرىنى ئىشلىتىپ ئېتىلگەن پولۇ.

يارما شاپتۇل

  • يارما شاپتۇل[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شاپتۇلنىڭ بىر خىل سورتى. مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق، تۇمشۇقى ئۇچلۇق بولىدۇ، پوستى ئاسان سويۇلىدۇ. تۈكلۈك كېلىدۇ. ئەسلىي رەڭگى ئاقۇچ بولۇپ، ئاپتاپ كۆرگەن تەرىپى ئوچۇق قىزىرىدۇ. ئېتى ئۈچكىسىدىن ئاجرايدۇ. ئېتىنىڭ ئۈچكىگە تۇتاشقان قىسمى قىزىلراق، يۇمشاق، تاتلىق سۇلۇق ۋە شىرنىلىك. 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېتىلىپ، تەكشى پىشىدۇ.

يارما ئۇلاق

  • يارما ئۇلاق[كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] ئۇلاق ئۇسۇلىنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭدا ئۇلاق تۈۋىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى بىر تەرەپتىكى ياغاچ قىسمى بىلەن قوشۇلۇپ يېرىلىپ، قىپچىنىڭ بىر ئۇچى 3 - 4 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا يانتۇ يونۇلۇپ، قىستۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا باغلىنىدۇ.

يارماⅡ

  • يارماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاسماندىن ياغىدىغان ئۇششاق، ئاق ۋە سۈزۈك بولمىغان قار دانىچىسى. توپ ياكى كونۇس شەكلىدە بولۇپ، كۆپىنچە قار يېغىشتىن بۇرۇن ياكى قار ياغقان چاغدا ياغىدۇ.

يارماقⅠ

  • يارماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئازادلىقتىن بۇرۇن ئىشلىتىلگەن، ئوتتۇرىسى تۆشۈك، سېرىق مىستىن ياكى تۇچتىن ياسالغان، قىممىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان پۇل:[مىسال:] ياماق ياماپ، يارماق تاپ (ماقال). * بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىنار، بىلىمسىز نادان قىممىتى يوق يارماق.

يارماقⅡ

  • يارماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پالتا، ھەرە، پىچاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن بىرەر نەرسىنى بۆلەكلەرگە ئايرىماق، پارچىلىماق، تىلماق، كەسمەك:[مىسال:] ئوتۇن يارماق. * ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② يارىلاندۇرماق، سۇندۇرماق، جاراھەتلەندۈرمەك:[مىسال:] ئەگرى تاياقنىڭ ئۇچى بۇرنۇڭنى يارار (ماقال). * ئېشىنى يەپ بېشىنى يېرىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ناھايىتى قاتتىق ئاڭلانماق، ئۇرۇلماق:[مىسال:] قۇلاقنى يارماق. * ئۇنىڭ ئاۋازى سېھىرلىك تۈن جىمجىتلىقىنى قىسقىلا يېرىپ ئۆتتى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر توپ نەرسە ئىچىدىن، ئوتتۇرىسىدىن، ئارىسىدىن بۆسۈپ ئۆتمەك، كېسىپ ئۆتمەك؛ بۆسمەك:[مىسال:] سەپ يارماق. * مۇقام توختىشى بىلەن، ھەسەن دەرۋىش ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، سورۇننى يېرىپ ئۆتۈپ، مۇقامچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىن ساتارنى ئالدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى تاتلىق، شېرىن تۇيۇلماق، سېزىلمەك، تىلدا قالماق (تاتلىق يېمەكلىكلەر ھەققىدە):[مىسال:] شاخلىرىدا مېۋىسى، يۇلتۇز بىلەن تەڭ ئىكەن. يېسەڭ تىلنى يارىدۇ، ھەسەل بىلەن قەنت ئىكەن.

يارماقچىلىك

  • يارماقچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يارماقتەك بار، يارماقتەك چوڭلۇقتىكى؛ كىچىك:[مىسال:] دۇرۇس... دۇرۇس... ئۇنىڭ يۈزىدە يارماقچىلىك تاتۇق بار. ئۇ بۇرۇتىنى شۇ تەرەپكە تاراپلا ئولتۇرىدىكەن، دېدى ئۇ.

يارماقسىز

  • يارماقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يارمىقى يوق، يارمىقى بولمىغان:[مىسال:] ئۇ ئاخىرى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ بىر يارماقسىز قالدى.

يارماقگۈل

  • يارماقگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يارماق+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن. تۆت قىرلىق، يوپۇرمىقى يۈرەك ۋە بۆرەك شەكلىدە بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى سۆسۈن. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار.

يارماقلىق

  • يارماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يارماق قىممىتىدىكى:[مىسال:] ھەسەن ئەلى مۇشۇ بەش كۈن ئىچىدە سولانغانلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا بىر يارماقلىق ئىش چىقىرالمىغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر ئىش قىلالىشىغا كۆزى يەتمەي قالدى.

يارمىچى

  • يارمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارغۇنچاقتا يارما تارتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم:[مىسال:] يارمىچى ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇغدايدا يارما تارتىپ بەرمەكچى بوپتۇ.

يارمىچىلىق

  • يارمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارما يېرىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] دادام شۇ يىللاردا كەنتتە بەش يىل يارمىچىلىق قىلغانىدى.

يارمىداتماق

  • يارمىداتماق[يەشمىسى:] «يارمىدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يارمىداشماق

  • يارمىداشماق[يەشمىسى:] «يارمىدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يارمىدالماق

  • يارمىدالماق[يەشمىسى:] «يارمىدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يارمىدىماق

  • يارمىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پارچە-پارچە قىلماق، پارچىلىماق، يارتىلىماق:[مىسال:] ئۇ تۇخۇمدەك ياغنى يارمىداپ يۇتۇۋەتتى-دە، دەرھال ئىككىنچى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، رومكىلارنى يەنە ماڭدۇرۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② چالا-بۇلا، بىلمەك، يېرىم-يارتا بىرنەرسە قىلماق:[مىسال:] مەن خەنزۇچىنى تولۇق بىلمەيمەن، ئانچە-مۇنچە يارمىدايمەن.

ياروۋىزاتسىيە

  • ياروۋىزاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] تېرىشتىن ئىلگىرى زىرائەت ئۇرۇقىنىڭ مۇۋاپىق شارائىتتا 1-باسقۇچلۇق يېتىلىشىنى تاماملاتقۇزۇش. مەسىلەن، كۈزگى بۇغداينىڭ ئۇرۇقى نەمدەلگەندىن كېيىن، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئورۇندا ساقلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مايسىنى رەتلىك ئۈندۈرگىلى، پىشىشنى تېزلەتكىلى ۋە ئەسلىدە كۈزدە تېرىلىدىغان زىرائەتلەرنى ئەتىيازدا تېرىسىمۇ يەنىلا نورمال باشاق چىقىرالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

يارىتىشماق

  • يارىتىشماق[يەشمىسى:] «ياراتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يارىتىلماق

  • يارىتىلماق[يەشمىسى:] «ياراتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر كىشى تارىخنى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقى شۇنداقلا تارىخنىڭ ئۆزى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى سەزگەندە، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى قەلبىدە تۇتالايدۇ.

يارىدار

  • يارىدار[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر جايى ياكى ئەزاسى يارىلانغان؛ جاراھەتلىك:[مىسال:] يارىدار ئادەم. يارىدار ئېيىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازابلانغان، دەردكە تولغان، يارىلانغان:[مىسال:] ئاھ، تۆكۈلدى قانچە-قانچە كۆز ياشلار، چۆل-جەزىرە ئوتلىرىدا داغ قالدى. يارىدار دىلدىن چىققان قانچە نالىلەر، ياڭراپ ئۆتۈپ ھاۋالاردا يوقالدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر جايى ياكى ئەزاسى يارىلانغان؛ جاراھەتلەنگەن ئادەم:[مىسال:] ئۇلار نۆۋەتلىشىپ يارىدارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.

يارىدارلىق

  • يارىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارىدار بولغان ھالەت، يارىلىنىش.

يارىشا

  • يارىشا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ماس كېلىدىغان، مۇۋاپىق، لايىق:[مىسال:] يىللارنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. چاۋار بوۋاي ئۆز ھالىغا يارىشا مەرىكە قىلىپ، ئات تويىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. * پۇرسەت دېگەن ھەمىشە كېلىۋەرمەيدۇ. قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقىدا ئېتىز ئارىلاپ يۈرگىنىمگە يارىشا ئازراق بىرنەرسە ئالسام نېمە بولىدۇ

يارىشىرىق

  • يارىشىرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يارا+شىرىق[[يەشمىسى:] بەدەنگە چىقىدىغان تۈرلۈك يارا، جاراھەت، بەدەنگە تەگكەن تىغ قاتارلىقلارنىڭ ئىزى.

يارىشىق

  • يارىشىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماس كېلىش، مۇۋاپىق بولۇش، مۇناسىپ، يارىشىش، لايىقلىشىش:[مىسال:] يارىشىقىنى قىلماق. * ئۆستەڭ يارىشىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال (ماقال). * ئورما ناخشىسى ئورمىنىڭ يارىشىقى.

يارىشىقىدا

  • يارىشىقىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆز لايىقىدا، مۇۋاپىق، ياراشقان ھالدا:[مىسال:] ئىشنى قىلغان ئىكەنمىز، ئۆز يارىشىقىدا بولسۇن. ئۆتكەنكىدەك تىلەمچىلەرنىمۇ، ئۆزىمىزنىمۇ خىجىل قىلىدىغان ئىشنى قىلمىغىنىمىز ياخشى.

يارىشىملىق

  • يارىشىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يارىشىدىغان، ياراشقان، چىرايلىق، ماسلاشقان، مۇۋاپىق كەلگەن:[مىسال:] جاپپاروپ ئېگىز بوي، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، توم قارا قاش، قاڭشارلىق، يارىشىملىق بۇرۇت قويغان، بۇغداي ئۆڭ، كۆزلىرى ھەمىشەم كۈلۈپ تۇرىدىغان خۇشخۇي ئادەم ئىدى.

يارىغۇسىز

  • يارىغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچنېمىگە يارىمايدىغان، ئەرزىمەيدىغان، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان، مۇۋاپىق كەلمەيدىغان:[مىسال:] ئەكرەم ۋېلىسىپىت ئالىمەن دەيدۇ، روشەنگە سائەت، ئۆينىڭ يوتقان-كۆرپىلىرىمۇ كونىراپ مېھمانغا يارىغۇسىز بولۇپ قالدى.

يارىلاندۇرماق

  • يارىلاندۇرماق[يەشمىسى:] «يارىلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر تاياق ئۇنى خېلى ئېغىر يارىلاندۇردى.

يارىلانماق

  • يارىلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يارىدار بولماق، جاراھەتلەنمەك:[مىسال:] ساۋۇت خېلى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، ئوق ئۇنىڭ يوتىسىغا تەگكەن، ئاسىمنىڭ بولسا سول مۈرىسىنى تېشىپ ئۆتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازار يېمەك، دەردكە قالماق:[مىسال:] مەن گۈزەل تۇرمۇشنى، شاد-خۇرام ھاياتنى قىزغىن سۆيىمەن ئەمما يۈرىكىم يارىلانغان

يارىماس

  • يارىماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يارىمايدىغان، كېرەككە كەلمەيدىغان، ياراقسىز، يارامسىز:[مىسال:] يارىماس ئەسۋاب. يارىماس پالتا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان، ناچار، قەبىھ:[مىسال:] يارىماس ئىش. يارىماس ئىللەت. * ئىختىيارسىز ھالدا ئۆتكەنكى يارىماس قىلىقلىرىم كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ قەلبىمنى خىجالەتچىلىككە سالاتتى.

يارىماسلىق

  • يارىماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارىمايدىغان، كېرەككە كەلمەيدىغان ھالەت.

يارىماق

  • يارىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇئەييەن تەلەپكە ماس كەلمەك، لايىقلاشماق، ياقماق:[مىسال:] خانغا يارىغان ئېشىم تازغا يارىماپتۇ (ماقال). * ئېشى يارىسا، قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا، ئانىسىغا قارىما (ماقال). * ئۇنىڭغا ھەممىدىنمۇ بەك ياراپ كەتكىنى ئىناق كوللېكتىپ تۇرمۇش ئىدى.[يەشمىسى:] ② كارغا، كېرەككە كەلمەك، ئەسقاتماق:[مىسال:] مەن كېيىن ئىشقا يارىغۇدەك بولغاندا ئاتام بىلەن يېزىمىزدىكى ھاجىبايغا چاكار بولۇپ ئىشلەپ يۈرۈپ تاغدا قوي باقتىم.[يەشمىسى:] ③ لايىقلاشماق، مۇۋاپىق، ماس كەلمەك، ئەرزىمەك:[مىسال:] ئەڭ كەم ھېسابلىغاندىمۇ ھەر مو يەردىن بەش مىڭ تۈپ تېرەك قەلەمچىسى ئۆستۈرسەڭ، ھەر بىرىنى بىر كويغىچە ساتساڭ، يىگىرمە مو يەرنىڭ كۆچىتى بىر ساندۇق پۇلغا يارايدۇ.[يەشمىسى:] ④ «جايىدا، ياخشى، بولىدۇ، لايىق، كۆڭۈلدىكىدەك ئىش قىلالايدۇ» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ:[مىسال:] ئوردىغا مۇشۇ خەتنى يازغان بەختىيار ئىسىملىك بالا يارايدىكەن، دەپتۇ پادىشاھ.

يارىيار

  • يارىيار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاقى كۆتەك ھارۋىنىڭ چاقىدىن چوڭ بولغان ھەمدە پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسالغان ھارۋا:[مىسال:] ئۇ كېيىنكى قېتىمدا توكۇر ئات قوشۇلغان يارىيار ھارۋىدا تۆت تاغار بۇغداي ئەكەلدى.

يار-يار

  • يار-يار[يەشمىسى:] ① «يارⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] شامال ئوينار رومالىڭنى چېچى قۇندۇز يار-يار، ئېتىز باغرى گويا ئاسمان، سەن بىر يۇلتۇز، يار-يار.[يەشمىسى:] ② توي-تۆكۈندە قىز ئۇزىتىش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان ناخشىنىڭ نامى:[مىسال:] ئۇلار يار-يار ئېيتىپ، قىزنى ئۇزىتىپ قويۇشتى.

يار-يۆلەك

  • يار-يۆلەك[يەشمىسى:] يۆلەنچۈك، تايانچ، ئىگە، تىرەك، يۆلەك:[مىسال:] يار-يۆلەك بولماق. * بۇ بۈۋىمگە ھەر دەقىقە مەرھۇمنىڭ روھى يار-يۆلەك ئىدى.

ياريېلىم

  • ياريېلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يار+يېلىم[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. ئاق ياكى ئاچ سېرىق رەڭلىك بولۇپ، تارىشا ياكى دانىچە ھالىتىدە كېلىدۇ. يېرىم سۈزۈك بولىدۇ. قىزىق سۇدا ئوڭايلا ئېرىيدۇ. ئادەتتە كالا، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ۋە سۆڭىكى قاينىتىلىپ ياسىلىدۇ. سانائەتتە يېپىشتۇرغۇچى رېئاكتىپ ۋە يورۇقلۇق سېزىش ماتېرىياللىرى ياسىلىدۇ. دورىگەرلىكتە قان توختىتىش دورىسى قىلىنىدۇ، ياغاچچىلىقتا ياغاچ يەملىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېمەكلىك سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ياز

  • ياز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆت پەسىلنىڭ ئىككىنچىسى، ئەتىيازدىن كېيىنكى، كۈزنىڭ ئالدىدىكى پەسىل، مىلادىيە بويىچە تەخمىنەن 5-مايدىن 6-ئاۋغۇستقىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يازا

  • يازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا خىشتىن ياسالغان چۇغۇندەك شەكىل.

يازدۇرماق

  • يازدۇرماق[يەشمىسى:] «يازماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خەت يازدۇرماق. ھۆججەت يازدۇرماق.

يازغازىڭى

  • يازغازىڭى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ياز+غازاڭ+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى ئۇزۇن، يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، غول يوپۇرماقلىرىدا يۇمشاق تۈكلىرى بولىدۇ. گۈلى سۆسۈن، بەزىلىرى ئاق، يازنىڭ بېشىدا چېچەكلەپ، ئاخىرىغا كەلگەندە ئۆلىدۇ. شۇڭا «يازغازىڭى» دەپ نام ئالغان. غولى، يوپۇرمىقى ۋە گۈل رېتى دورا قىلىنىدۇ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش رولى بار.

يازغۇچى

  • يازغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېزىش ئىشىنى ئورۇنلىغۇچى كىشى:[مىسال:] بۇنى يازغۇچى سىزمۇ * بۇ خەتنى يازغۇچى كىم[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بەدىئىي ئەسەر يېزىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ ئەدىب:[مىسال:] مەن يازغۇچى بولۇش مەقسىتىدە رومان يازغان ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشتىكى ھايات مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان.

يازغۇچىلىق

  • يازغۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېزىقچىلىق ئىشى، يېزىقچىلىق كەسپى:[مىسال:] ئۇ تۇرمۇشنى يازغۇچىلىق دىتى بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

يازغى

  • يازغى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يازدا بولىدىغان، يازلىق:[مىسال:] يازغى يۇڭ. يازغى بۇغداي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداينىڭ ئەتىيازدا تېرىلىپ، يازدا پىشىدىغان بىر خىلى:[مىسال:] ئاۋاتتا بۇ يىل يازغىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى.

يازلىق

  • يازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يازغا خاس، ياز ئۈچۈن بەلگىلەنگەن، يازغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان؛ يازغى:[مىسال:] يازلىق تەتىل. يازلىق ساراي. يازلىق كىيىم. * بۇ يىل باھار بالدۇر كەلدى، چارۋىچىلار يازلىق يايلاققا ھەر يىلدىكىدىن بىر ئاي بۇرۇن كۆچتى.[يەشمىسى:] ② يازدا تېرىلىدىغان، يازدا پىشىدىغان ھەم يازدا يىغىۋېلىنىدىغان:[مىسال:] يازلىق ئاشلىق. يازلىق مەھسۇلات. يازلىق مېۋە.

يازلىق كۈن-تۈن توختىشى

  • يازلىق كۈن-تۈن توختىشى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 24 مەۋسۈمنىڭ ئونىنچىسى. مىلادىيە 6-ئاينىڭ 21-ياكى 22-كۈنىدىن باشلىنىدۇ. بۇ كۈندە قۇياش يازلىق كۈن-تۈن توختاش نۇقتىسىدىن ئۆتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شىمالىي يېرىم شاردا كۈندۈز ئەڭ ئۇزۇن، كېچىسى ئەڭ قىسقا بولىدۇ.

يازلىماق

  • يازلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر جايدا يازنى ئۆتكۈزمەك، يازدا بىرەر جايدا تۇرۇپ قالماق:[مىسال:] مەن بۇ يىل قەشقەردە يازلاشنى نىيەت قىلدىم.

يازما

  • يازما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېزىق، خەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ياكى ئىپادىلىنىدىغان، يېزىلغان:[مىسال:] يازما پىكىر. يازما ئىمتىھان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېزىق، خەت ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلەنگەن نەرسە:[مىسال:] مۇبارەك ئۇشبۇ يازماڭنى زەپەر يادنامىسى دەيمۇ

يازماق

  • يازماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قەغەز ياكى باشقا نەرسە يۈزىگە ھەرپ، رەقەم قاتارلىق بەلگىلەرنى چۈشۈرمەك، يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىمەك:[مىسال:] نامە يازماق. خەت يازماق. ھېكايە يازماق.

يازمۇياز

  • يازمۇياز[يەشمىسى:] ھەر ياز، يازدىن يازغا:[مىسال:] ھەمدە پەيدا بولسا كۆل، كۆللەردە غاز، تۇرسا ئوراپ تالى مەجنۇن يازمۇياز.

يازمىش

  • يازمىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يېزىپ قويۇلغان نەرسە؛ يازما بايان، يازما مەلۇمات، يازما خاتىرە:[مىسال:] ئۇنىڭ يازمىشلىرىدىن ۋە سۆھبەتلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇ ئۆزىنىڭ مىللىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئارتىس ئىدى.

يازىچە

  • يازىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ياز مەزگىلىدە، ياز داۋامىدا، ياز بويى:[مىسال:] يازىچە باغلاردا چۇرۇقلاشقان چۈجە خورازلار ئەمدى شوخلۇق بىلەن مېكىيان چاقىرىدىغان ياكى ئۆزىگە ئوخشاش ئۇرۇش خۇمارلار بىلەن سوقۇشىدىغان بولدى.

ياساتماق

  • ياساتماق[يەشمىسى:] «ياسىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆي ياساتماق. ھارۋا ياساتماق.

ياساشتۇرماق

  • ياساشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياساش، تۈزەشكە دائىر ئىشلارنى قىلماق:[مىسال:] ئۇ كېچىلەپ تۇرا قوۋۇقلىرىنى ياساشتۇرۇپ ئىككى تەرەپتىن توستى.

ياساشماق

  • ياساشماق[يەشمىسى:] «ياسىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يول بويى ئارىشاڭ كۆپ بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئاشۇ ئارىشاڭلار ئەتراپىغا مۇنچا ياساشماقتا ئىدى.

ياساق

  • ياساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك قانۇن. [يەشمىسى:] ② دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن تۈرلۈك سېلىق؛ باج، ئالۋان:[مىسال:] ياساق تۆلىمەك. ياساق تاپشۇرماق. * تېكىن ئاغىچى ئىلىك ھاجىپ ۋە بۆرىبەگ بىلەن بىللە ياساق ئېلىش توغرىسىدا بىر يېڭى بەلگىلىمە بېكىتىپ چىققاي، دېدى خان.

ياساقبېگى

  • ياساقبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.]ياساق+بەگ+ى[[يەشمىسى:] دۆلەت تەرىپىدىن تۈرلۈك سېلىق، باج، ئالۋانلارنى يىغىش ئۈچۈن مەسئۇل قىلىپ بەلگىلەنگەن كىشى.

ياساقچى

  • ياساقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياساق سالغۇچى، يۈكلىگۈچى، ئارتقۇچى.

ياساقلىق

  • ياساقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياساپ قويۇلغان، ياسالغان، بېزەلگەن؛ بېزەكلىك:[مىسال:] ياساقلىق ئۆي. * مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ ھەيران قالدى. چۈنكى، سىنىپ ئىچى پاكىز تازىلانغان بولۇپ، بايرام بولغاندەك ئۇ يەر-بۇ يەرلەر ياساقلىق تۇراتتى.

ياسالما

  • ياسالما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قولدا ياسالغان، تەبىئىي، ئۆز ئەينى ئەمەس، سۈنئىي، ياسىما:[مىسال:] ياسالما چاچ. ياسالما پۇت. * ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە بىر خىل ياسالما مۇلايىملىق بىلەن قاراپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ياسالغان:[مىسال:] ياسالما سۆز.

ياسالماق

  • ياسالماق[يەشمىسى:] «ياسىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىگەن سائەت توققۇزلاردا مۇراد تاغا ئىككىمىز يېڭىدىن ياسالغان ئۆستەڭ بويىدىكى تۈپتۈز يول بىلەن كېتىپ باراتتۇق.

ياسالمىلىق

  • ياسالمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياسالما ھالەت، سۈنئىيلىك:[مىسال:] ھەجەر ئاپئاق ئورنىدىن قوزغالماقچى بولدى-يۇ، لېكىن نېمىدىندۇر ئويلىنىپ قالدى ۋە بىردىنلا ياسالمىلىق بىلەن سىلىق سۆزلەشكە باشلىدى.

ياسانچۇق

  • ياسانچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم ياسىنىدىغان، ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم:[مىسال:] كېپىنەك پەرۋانە بولماس، ياسانچۇق مەردانە بولماس (ماقال). ∥ ئۇنى قولتۇقلىۋالغان تولىمۇ چىرايلىق، تولىمۇ ياسانچۇق قىز بولسا بىزگە قىيا كۆزىنى سالماستىن، تاغلارغا، كەچكى شەپەققە ۋە ئاق-قىزغۇچ بۇلۇتلارغا قاراپ تۇراتتى.

ياسانچۇقلۇق

  • ياسانچۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم ياسىنىش، ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش، ياسىنىپ يۈرۈش ئادىتى:[مىسال:] ياسانچۇقلۇق قىلماق.

ياساندۇرماق

  • ياساندۇرماق[يەشمىسى:] «ياسانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يالغۇز قىزىنى ئۆزلىرى يېمەي يېگۈزۈپ، كىيمەي كىيدۈرۈپ، توزدەك ياساندۇرۇپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرىسىدا خۇمارقىز مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە بىردىنلا كېلىشەلمەسلىك كېلىپ چىقتى.

ياساندۇرۇشماق

  • ياساندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ياساندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياساندۇرۇلماق

  • ياساندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ياساندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كېتىۋېتىپ: «توۋا سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىدىن بۇلبۇل چىقىدۇ، دېگەندەك سەھرادىنمۇ مۇشۇنداق گۈزەللەر چىقىدىكىنە ئەگەر ئۈرۈمچى پاسوندا ياساندۇرۇلىدىغان بولسا...» دېگەنلەرنى ئويلىدى.

ياسانماق

  • ياسانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىرايلىق كىيىنمەك:[مىسال:] مەلىكە ھەر كۈنى كېچىسى ئەل ئۇخلىغاندىن كېيىن، راسا ياسىنىپ، ھېلىقى يول بىلەن ئازادە يۈرۈپ، سارايدىكى ئاشىقىنىڭ يېنىغا چىقىپ، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈپتۇ.

ياساۋۇل

  • ياساۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] بۇرۇنقى خان، پادىشاھ دەۋرىدە يۇقىرى مەنسەپتىكى ئەمەلدارلارغا خىزمەت قىلىدىغان قوراللىق خادىم؛ ساقچى:[مىسال:] شاھزادە مۈشۈكنىڭ باش-كۆزىنى سىلاپ ئەپۇ سوراپتۇ. شاھ ياساۋۇلنى تۆت بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئوتۇنچى موماينى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.

ياساۋۇللۇق

  • ياساۋۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياساۋۇل بولۇش ئىشى:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ياساۋۇللۇق قىلمايمەن، دەپ خاپا بولۇپ كېتىپ قالدى.

ياستۇق

  • ياستۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچىگە مامۇق، توزغاق قاتارلىق يۇمشاق نەرسە سېلىنىپ تەييارلانغان، ياتقاندا باش ئاستىغا قويۇلىدىغان تۆت بۇرجەكلىك بۇيۇم.

ياستۇقنى قىرلاپ ئۇخلىماق

  • ياستۇقنى قىرلاپ ئۇخلىماق[يەشمىسى:] ھېچ ئىش بىلەن كارى بولماي، غەمسىز، بىپەرۋا يۈرمەك:[مىسال:] ئىسلاھات داۋامىدا ئىسلاھاتقا ماسلاشماي، ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ ئۇخلىغان ئادەم مەڭگۈ ئالغا باسالمايدۇ.

ياستۇقنى قىرلاپ ياتماق

  • ياستۇقنى قىرلاپ ياتماق[يەشمىسى:] «ياستۇقنى قىرلاپ ئۇخلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تېخى قىلىنمىدى، شۇنداق ئىكەن ياستۇقنى قىرلاپ ياتساق ئەپلەشمەس.

ياسىداق

  • ياسىداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايلىق ياسالغان، سەرەمجانلاشتۇرۇلغان، بېزەلگەن:[مىسال:] ياسىداق ئۆي. ياسىداق ساراي.

ياسىداقلىق

  • ياسىداقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىرايلىق ياسالغان كۆرۈنۈش، سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ھالەت.

ياسىغۇچى

  • ياسىغۇچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياساش رولىنى ئۆتەيدىغان، ياسايدىغان:[مىسال:] ياسىغۇچى قوشۇمچە. ياسىغۇچى فۇنكسىيە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بەلگىلىك شەرت بويىچە ھەرىكەتلىنىپ يۈز ھاسىل قىلىدىغان تۈز سىزىق.

ياسىما

  • ياسىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەبىئىي، ئۆز ئەينى ئەمەس، يالغان؛ سۈنئىي:[مىسال:] ياسىما گەپ. ياسىما ھەرىكەت. * قازىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خۇشال بولغان ھەجەر ئاپئاق قازىنى تاپا-تەنە ۋە ياسىما قىلىقلار بىلەن كۈتۈۋالدى.

ياسىماق

  • ياسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەيدا قىلماق، ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەك، شەكىللەندۈرمەك؛ ئەتمەك، تەييارلىماق:[مىسال:] ساندۇق ياسىماق. پاراخوت ياسىماق. * ياساش قىيىن، بۇزۇش ئاسان (ماقال).[يەشمىسى:] ② تۈزىمەك، ئوڭشىماق، رېمونت قىلماق:[مىسال:] ياشقىنا شوپۇر يىگىت چاق ياساش بىلەن ئاۋارە ئىدى.[يەشمىسى:] ③ ئوڭشىماق؛ تۈزەشتۈرمەك:[مىسال:] سارىخان خۇشاللىنىپ بەختىگۈلنىڭ سەل چۇۋۇلغان چاچلىرىنى قولى بىلەن ياساشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ زىننەتلىمەك، بېزىمەك:[مىسال:] توۋا قىلدىم، مەن نېمە كويدا، بۇ نېمە ئويدا، مەن بۇنىڭ ئۆيىنى خەقنىڭ زوقى كەلگۈدەك ياساپ ئاۋارە، بۇ بولسا، دېدى ئاپام خاپا بولۇپ.[يەشمىسى:] ⑤ ئەمىن تاپقۇزماق، خۇش قىلماق، شادلاندۇرماق:[مىسال:] ئۇ تاپشۇرۇقنى ئېلىپ، زىندانغا باردى-دە، ھېلىقى ئىككىسىنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توقۇپ چىقارماق، ئويدۇرۇپ چىقارماق، كۆپتۈرمەك؛ ئۆزگەرتمەك (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئابلەت بىرىنچى ئۇرۇشىدىنلا ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىگەندىن كېيىن دەرغەزەپ بولۇپ، ئۈلپەتلىرىگە ئەھۋالنى باشقىچە ياساپ ئېيتتى.[يەشمىسى:] ⑦ بەزى ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا قوشۇلۇپ كېلىپ پېئىللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] بۇرۇلۇش ياسىماق. * گۈلچىمەننىڭ ھېسسىياتىدىكى ئۆزگىرىش، ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىمۇ ئۆزگىرىش ياسىدى.

ياسىمىلىق

  • ياسىمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياسىما ھالەت، سۈنئىيلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ توڭلۇقى خۇددى زىخقا ئۆتكۈزۈپ ئوتقا تۇتۇلغان سېمىز گۆشنىڭ مېيىدەك ئېرىپ بىردىنلا بوشاشتى-دە، كىرىپ كەلگۈچىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاچ ياسىمىلىق بىلەن سورىدى.

ياسىنىشماق

  • ياسىنىشماق[يەشمىسى:] «ياسانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يۇلتۇز، گۈللەيلى، قۇندۇزلارمۇ مەخسۇس تىكىلگەن تويلۇق كىيىملىرى بىلەن ياسىنىشتى.

ياسىن

  • ياسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قۇرئاننىڭ ئوتتۇز ئالتىنچى سۈرىسىنىڭ نامى. [يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ياشⅠ

  • ياشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېرى ئەمەس، نەۋقىران:[مىسال:] ياش ئادەم. ياش ئايال. * ياش ۋاقىتتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك (ماقال). * مەن ئۇلارغا قارىدىم، ئالدىمدا مېنىڭ مەھەللىكلىرىمدىن ياش، قېرى بولۇپ ئوتتۇزچە كىشى تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② سۈيى قۇرۇمىغان، نەملىكى تارقالمىغان؛ يېڭى:[مىسال:] ياش كۆكتات.[يەشمىسى:] ③ بالاغەتكە يەتمىگەن، يېتىلمىگەن:[مىسال:] ياش بالا. ياش قىز. * تەشۋىقىي-تەربىيىدە پارتىيە-ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىش لازىم.[يەشمىسى:] ④ ياشلىققا، ياشلىق دەۋرگە خاس:[مىسال:] ياش كۈچ. ياش كۆڭۈل. * ئۇلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن ئۇلار ياش ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېتەرلىك تەجرىبىگە ئىگە بولمىغان، تەجرىبىسىز:[مىسال:] سەن تېخى ياش، ھېچ ئىش كۆرمىگەن. تاغنىڭ ئىچىگە ئاپىرىپ باقىمەن، دەپ بۆرە-ئېيىقلارغا يەم بولۇپ يۈرمىگىن، يەنە، دېدى ياشانغان بىرى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭىدىن پەيدا بولغان، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن، تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان:[مىسال:] فولكلور ئىلمى ھەقىقەتەن ياش بىر پەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى زور بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە جەمئىيەت ئۆزگىرىشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ ئومۇملۇققا ئىگە بولماقتا.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭى تەشكىللەنگەن، مۇستەھكەملەنمىگەن:[مىسال:] ياش تەشكىلات. ياش دۆلەت. ياش پارتىيە.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان، تىكىلگەن:[مىسال:] ياش كۆچەت.

ياشⅡ

  • ياشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھايات كەچۈرگەن، ياشىغان يىللارنىڭ سانى؛ ئۆمۈر ئۇزاقلىقى:[مىسال:] ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا (ماقال). * يېشى ھەممىدىن چوڭراق، ئۇزۇن كەكە ساقال، ئاق يۈزلۈك، ئورۇقراق كەلگەن بىرسى سۆز باشلىدى.

ياشⅢ

  • ياشⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىر قايغۇ ياكى زور خۇشاللىق نەتىجىسىدە كۆزنىڭ ياش بەزلىرىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان رەڭسىز سۇيۇقلۇق:[مىسال:] ياش تۆكمەك. ياش چىقماق. * ئۇ يىغلىغان بولسا كېرەك، قاپاقلىرى ئىششىغان ۋە كۆزلىرى ياش يۇقى ئىدى.

ياشاتماق

  • ياشاتماق[يەشمىسى:] «ياشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادەمنى ئۈمىد ياشىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ (ماقال).

ياشارتماق

  • ياشارتماق[يەشمىسى:] «ياشارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مېۋە — يۈرەكنى ياشارتىدۇ. * ئاخشام ياغقان يامغۇر يول بويىدىكى گۈللۈك ۋە چۆپلەرنى ياشارتىپ، تېخىمۇ قېنىق رەڭگە كىرگۈزگەنىدى.

ياشارتىلماق

  • ياشارتىلماق[يەشمىسى:] «ياشارتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پىلانلىق مېۋە ئېلىش ئۈچۈن ئاساسىي شاخلارنىڭ مېۋە شاخچىلىرى تەدرىجىي يېڭىلىنىپ، ياشارتىلىپ تۇرىدۇ.

ياشارماق

  • ياشارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ياش تۇرماق، ياش ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] بالىلار چوڭ بولۇشنى ئويلىسا، چوڭلار ياشىرىشنى ئويلايدۇ.[يەشمىسى:] ② كۆكەرمەك، راۋاجلانماق، ئۆسمەك (دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار ھەققىدە):[مىسال:] قۇياش بۇرۇنقىدەك ئالتۇن نۇرىنى يەنە چېچىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى جىمى گۈل-گىياھلار، دەل-دەرەخلەر قايتىدىن ياشىرىپتۇ، ئادەملەرنىڭ چىرايى ئېچىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆركەم ھالغا كەلمەك، گۈزەللەشمەك؛ ياشنىماق:[مىسال:] ئازادلىقنىڭ نۇرىدىن رەڭ تۈزەپسەن چىلگىدەك، ياشىرىپسەن، گۈللەپسەن كۈندە مىڭ بار كۆرگۈدەك، ئالىم بولۇپ ئۆسۈپتۇ. تۈنۈگۈنكى ياش گۆدەك، دۈشمەنلىرىڭ قان يىغلاپ، دوستلىرىڭ شاد كۈلگۈدەك.

ياشاشماق

  • ياشاشماق[يەشمىسى:] «ياشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بار ئىكەن، يوق ئىكەن، ئاچ ئىكەن، توق ئىكەن، ئۆتكەن زاماندا بىر جاڭگالدا تۈرلۈك ھايۋانلار، رەڭمۇرەڭ، خىلمۇخىل قۇشلار ئىناق، خۇشال-خۇرام ياشىشىدىكەن.

ياشاڭغىراتماق

  • ياشاڭغىراتماق[يەشمىسى:] «ياشاڭغىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاڭغىچە قۇياش كۆتۈرۈلدى-دە، ئۇنىڭ ئۆتكۈر نۇرى كۆزلىرىمنى ياشاڭغىرىتىۋەتتى.

ياشاڭغىرىماق

  • ياشاڭغىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دائىم ياش ئېقىپ، ياش چىقىپ تۇرماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ياشاڭغىراپ قالغان كۆزىدىن ياش توختىماي قۇيۇلايتتى.

ياشانماق

  • ياشانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېشى چوڭىيىپ قېرىلىق دەۋرىگە كەلمەك، قېرىپ قالماق:[مىسال:] ۋېلسىپىتتە ئورۇق، بەللىرى مۈكچەيگەن بىر موماي ئولتۇرغان بولۇپ، ياشانغان بىر ئەر كىشى ۋېلسىپىتنى ئاستا ئىتتىرىپ كېلىۋاتاتتى.

ياشسىز

  • ياشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياش چىقمىغان، ياش بولمىغان:[مىسال:] كېيىن چوڭقۇر، ياشسىز ئېغىر يىغا ئاڭلاندى.

ياش-قۇرام

  • ياش-قۇرام[يەشمىسى:] ياش ۋە قۇرام يەنى ئۆمۈرنىڭ مەلۇم چەككە يەتكەن مەزگىلى، پەيتى:[مىسال:] ئەمدى ئارسلان بارس تېكىنگە زوقلىنىپ قاراپ قالدى. تېكىننىڭ ياش-قۇرامى ئارسلاندىن كۆپ بولسا ئۈچ-تۆت ياش چوڭدەك كۆرۈنەتتى.

ياش-قېرى

  • ياش-قېرى[يەشمىسى:] ياش ۋە قېرى، ھەر خىل ياشتىكى ئادەملەر:[مىسال:] مەن ئۇلارغا قارىدىم. ئالدىمدا يۇرتداشلىرىمدىن ياش-قېرى بولۇپ قىرىقچە كىشى تۇراتتى.

ياشلاشتۇرماق

  • ياشلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ياشلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر گېزىتلەردە رەھبەرلىكنى ياشلاشتۇرۇش، قېرىلار ياشراق يولداشلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش دېگەن گەپلەر كۆپرەك تەكىتلىنىۋاتىدۇ.

ياشلاشماق

  • ياشلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ياش ھالەتكە كەلمەك، ياشلىقى ئۇرغۇماق:[مىسال:] سىلى كۈندىن-كۈنگە ياشلىشىپ كېتىۋاتىدىلا جۇمۇ، دېدى ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىپ.[يەشمىسى:] ② ياشلار قويۇلماق، ياشلارنى قويۇش ئومۇمىيلاشماق:[مىسال:] رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ياشلىشىش، بىلىم ئەھلىگە، كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىش جەھەتتە بىرقەدەم ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.

ياشلانماق

  • ياشلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزگە ياش تولماق، كۆزنى ياش قاپلىماق:[مىسال:] شۇ پەيتتە گېلىمنى بىرنەرسە بوغۇۋالغاندەك دېمىم سىقىلىپ، ياشلانغان كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يۇمۇلدى.

ياشلىقⅠ

  • ياشلىقⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياش ۋاقىت:[مىسال:] ياشلىقىڭدا ئىشلە، قېرىغاندا چىشلە (ماقال). * ياشلىقىنى قەدىرلىمىگەن ئادەم، بىرئۆمۈر پۇشايمان قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياشلارغا خاس، ياشلارغا تەئەللۇق، ياشلاردا بولىدىغان؛ ياش ۋاقتىدىكى:[مىسال:] ياشلىق غۇرۇر. ياشلىق ئىستەك. ياشلىق دەۋر.

ياشلىق قىلماق

  • ياشلىق قىلماق[يەشمىسى:] تەجرىبىسىزلىك قىلماق، ئويلانماي ئاددىي ئىش كۆرمەك:[مىسال:] سادىر ياشلىق قىلىۋاتىدۇ، تاغ سۈيىنى ئەكېلىش ئۇنچىۋالا ئاسان بولسا، بۇ چاغقا ھەركىم ئەكەلمەمدۇ، دېدى ھاشىمئاخۇن.

ياشلىقⅡ

  • ياشلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ... ياشقا كىرگەن، ياشقا تولغان؛... ياشتىكى:[مىسال:] ئۇلار دىلشاتنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ئىككى ياشلىق سىڭلىسىنى ئوينىتىپ ئولتۇراتتى. * شاخلىرى بەش تەرەپكە ئايرىلغان، ئالتە ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان بۇ قارىياغاچ مۇشۇ يېزا بىلەن بىر ياشلىق ئىدى.

ياشلىقⅢ

  • ياشلىقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياش بىلەن تولغان؛ ياش قاپلىغان؛ ياش ئېقىپ تۇرغان:[مىسال:] ئايرىدى يۇرتتىن شۇ بىر ئېغىز سۆزۈم، كەينىمدە قالدى مېنىڭ ياشلىق كۆزۈم.

ياشلىماق

  • ياشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياش كەلتۈرمەك، ياش ئالماق، يىغلىماق:[مىسال:] بىردەم شوپۇر دادىسىغا، بىردەم مېھرىبان ئاپىسىنىڭ تاۋۇتىغا ئېسىلىپ يىغلىغان ئوغۇل پۈتكۈل جۈمە جامائىتىنىڭ باغرىنى ئېزىپ كۆزلىرىنى ياشلىماقتا ئىدى.

ياشمان

  • ياشمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] چۈچۈتۈلگەن ياغقا ئۇۋالغان ناننى ئارىلاشتۇرۇپ قىلىنغان تاماق.

ياشناتماق

  • ياشناتماق[يەشمىسى:] «ياشنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ (ماقال).

ياشناشماق

  • ياشناشماق[يەشمىسى:] «ياشنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياشنىماق

  • ياشنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ياشارماق:[مىسال:] بۈگۈن ۋەتەن گۈلزارىدا ھۈپپىدە ئېچىلىپ تۇرغان بارچە گۈللەر ئىچىدە رەيھانگۈل ئەنە ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقى، خۇش پۇراقلىقى بىلەن تېخىمۇ كۆركەم ھۆسن ئېلىپ ياشناپ تۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] راۋاجلىنىپ تەرەققىي قىلماق، ئىلگىرى باسماق، روناق تاپماق؛ گۈللىمەك:[مىسال:] قوشماق غۇنچە-چېچەكلەر، ئىككىمىزگە ئوخشايدۇ، گۈزەل ياشلىق ئۆمرىمىز، شۇ گۈللەردەك ياشنايدۇ.

ياشىرىشماق

  • ياشىرىشماق[يەشمىسى:] «ياشارماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تاڭدا، ياشىرىشار باشقىدىن، ئۇلار ئۆسكەن گۈلشەنمۇ، ئويغىنىدۇ ناخشىدىن.

ياشىماق

  • ياشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم ۋاقىت ئۆمۈر كۆرمەك؛ ھايات كەچۈرمەك:[مىسال:] كۆپ ياشىغان نېمە بىلەر، كۆپنى كۆرگەن شۇ بىلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر يوسۇندا ھايات كەچۈرمەك، بىرەر تەرزدە تىرىكچىلىك قىلماق:[مىسال:] مەنمۇ ئەنە ئاشۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، پېنسىيىدە ياشاۋاتىمەن ۋە ئارامخۇدا پېنسىيە تۇرمۇشىدا، يېتەرلىك ۋاقىتقا ئىگە بولۇپ، بۇ كىتابىمنى يېزىپ چىقتىم.[يەشمىسى:] ③ بىرەر جايدا ھايات كەچۈرۈشكە ماسلاشماق، ئادەتلەنمەك:[مىسال:] ئۇلار پەقەت شۇ ئابىدە تۇرىدىغان تاغدىكى غارنىڭ ئىچىدە ياشاپتۇ. * مەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دەل-دەرەخ پوستىدىن ماكان تۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان قۇرت بولىمەن، دەپتۇ ئۇ گۈلگە قاراپ.[يەشمىسى:] ④ بىركىمگە ئەر ياكى خوتۇن بولۇپ ھايات كەچۈرمەك، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە بولماق:[مىسال:] سىز تېخىچە ئېنىق جاۋاب بەرمەيۋاتىسىز. ئېيتىڭا، ئىككىمىزنىڭ بىر ئائىلىدە ياشىشىمىزغا رازىمۇ سىز دېدى زۇنۇن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەۋجۇت بولۇپ تۇرماق، بار بولماق، ساقلانماق:[مىسال:] كۈرەشچان تارىخىمىزغا بەتلەر ياراتقان ئازادلىق قۇربانلىرىنىڭ نامى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ بۇيرۇق پېئىلىنىڭ 2-ياكى 3-شەخس فورمىسىدا، كېلىپ بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى توغرىسىدىكى تىلەكنى، شۇنداقلا ماقۇللاش، سۆيۈنۈش، شادلىنىشقا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ياشا ئوغلۇم خويمۇ ئىش قىلدىڭ. * ياشىسۇن خەلق ياشىسۇن ۋەتەن

ياغ

  • ياغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا-ماللارنىڭ ئورگانىزىمىدا ياكى بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى، دېنىدا بولىدىغان ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا يۇمشاق، سۇيۇق ياكى قاتتىق ھالەتتە ئۇچرايدىغان ئورگانىك ماددا:[مىسال:] قوي يېغى. زىغىر يېغى.

ياغ پۇراتماق

  • ياغ پۇراتماق[يەشمىسى:] دىنىي ئەقىدە بويىچە ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقان، قوۋم-قېرىنداش، پەرزەنتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ پوشكال سېلىپ دۇئا قىلدۇرماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېلەر ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى نىكاھ پاتىھەسى ئوقۇتۇپ، خاسىيەتلىك پەيشەنبە ئۈچۈن ياغ پۇرىتىدىغان بولۇشتى.

ياغ تۆكۈلسە يالىغۇدەك

  • ياغ تۆكۈلسە يالىغۇدەك[يەشمىسى:] «ماي تۆكۈلسە يالىغۇدەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ئۆينى ياغ تۆكۈلسە يالىغۇدەك قىلىۋېتىپتۇ.

ياغ چاينىماق

  • ياغ چاينىماق[يەشمىسى:] لەززىتىنى، ھالاۋىتىنى كۆرمەك:[مىسال:] تەشۋىش قىلما سەت ئىش ئەمەس خەلقىم بېيىش، ياغ چاينىسۇن ھەركىم ئىشلەپ توغرا بىر ئىش.

ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك

  • ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك[يەشمىسى:] ھېچقانداق خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىماي، ناھايىتى خاتىرجەم، ئامان-ئېسەن:[مىسال:] بۈگۈنكى بالىلار خۇددى ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك راھەت ئىچىدە ياشايدۇ، ئۇلارغا ھەممە نەرسە تەييار.

ياغاچ

  • ياغاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرەخنىڭ، شۇنىڭدەك قۇرۇغان ۋە كېسىلگەن دەرەخنىڭ پوست ۋە يوپۇرمىقىدىن باشقا قىسمى:[مىسال:] شۇ زامانلا ئالۇچا ياغىچىدىن ياسالغان غاڭزىسىنى تۇتۇپ زالدا گېنېرال پەيدا بولدى. * مەن سۇدىكى ياغاچ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.

ياغاچ ئات

  • ياغاچ ئات[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل گىمناستىكا ئەسۋابى. شەكلى ئاتقا ئوخشايدۇ، دۈمبىسىدە ھالقا بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل گىمناستىكا مۇسابىقە تۈرى. بۇنىڭدا، تەنھەرىكەتچىلەر قولى بىلەن ياغاچ ئاتقا تايىنىپ ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئورۇندايدۇ. رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئاياللار توغرىسىغا قويۇلغان ياغاچ ئاتنى، ئەرلەر ئۇزۇنىسىغا قويۇلغان ياغاچ ئاتنى ئىشلىتىدۇ.[يەشمىسى:] ③ رىۋايەتلەردىكى ئۇچىدىغان ۋە ياغاچتىن ياسالغان ئەپسانىۋى ئات.[يەشمىسى:] ④ بالىلارنىڭ توك ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇق ئېتى. ياغاچتىن ياسىلىدۇ.

ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر

  • ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] غولى ياغاچلاشقان ئۆسۈملۈكلەر. مەسىلەن، تېرەك، سۆگەت قاتارلىق دەل-دەرەخلەر ۋە قىزىل گۈل، قەلەمپۇر قاتارلىق چاتقاللار.

ياغاچ قۇلاق

  • ياغاچ قۇلاق[يەشمىسى:] قىلغان گەپنى قۇلىقىدا تۇتمايدىغان، گەپ ئاڭلىمايدىغان، گەپ ئۆتمەيدىغان:[مىسال:] ياغاچ قۇلاق بالا. * ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس (ماقال).

ياغاچ ئوشتۇماق

  • ياغاچ ئوشتۇماق[يەشمىسى:] «يولى ئېچىلسۇن، پات-پات كېلىپ تۇرسۇن» دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] ۋاي خۇدايىمەي، كۈن قاياقتىن چىقتى، ياغاچ ئوشتۇيمۇ دېدى ھاممام.

ياغاچ-تاش

  • ياغاچ-تاش[يەشمىسى:] ياغاچ ۋە تاش قاتارلىق ماتېرىياللار:[مىسال:] ئابدۇللا توي تەييارلىقىدا پۇلدىن قىسىلىپ بىر ئېغىز ئۆينىڭ ياغاچ-تېشىنى سېتىپ خەجلىمەكچى بولدى.

ياغاچچى

  • ياغاچچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياسايدىغان ئۇستا:[مىسال:] قەدىمكى زاماندا بىر ياغاچچى بىلەن بىر تۆمۈرچى بولغانىكەن. ئۇلار بىر-بىرىنى مەنسىتمەي دائىم بەسلىشىدىكەن. ∥ ئۇ ئوغلىنى مەھەللىدىكى بىر ياغاچچى يىگىتكە شاگىرتلىققا بەردى.

ياغاچچىلىق

  • ياغاچچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچتىن ھەر خىل سايمان ۋە جابدۇقلارنى ياساش ۋە ئۇلارنى رېمونت قىلىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا ياغاچچىلىق قىلىپ داڭ چىقاردى.

ياغاچلاشماق

  • ياغاچلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك غولىنىڭ ياغاچلىق قىسمى تەرەققىي قىلىپ چىڭىماق، مەزمۇتلاشماق.

ياغاچلىق

  • ياغاچلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياغىچى بار، ياغاچ ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قورۇق تامغا قارىدى. تام ئېگىز، يىگىرمە ئىككى ياغاچلىق سوقما تامنىڭ ئۈستىگە ئۈچ قۇر كۇمىلاچ قويۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازغان، جىغان تۇتۇلغانىدى.

ياغاق

  • ياغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەت قونمىغان، ئورۇق، گۆشسىز:[مىسال:] ياغاق تاپان. ياغاق يۈز. * ئۇنىڭ يۇڭلۇق ياغاق قوللىرى ئەنۋەرنىڭ كىچىككىنە بوينىغا چىرماشتى.

ياغاقلاشماق

  • ياغاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورۇقلاپ كېتىپ، چېچى ياكى تۈكى چۈشۈپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بېشىنىڭ چوققىسى ياغاقلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاندا-ساندىلا بىرنەچچە تال ئاق چېچى تۇراتتى.

ياغچى

  • ياغچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغ ساتقۇچى .

ياغچىلىق

  • ياغچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] بىزنىڭ مەھەللىدە توختى ئىسىملىك بىر بالا بولۇپ ئاتا مىراس كەسىپ ياغچىلىق بىلەن جان باقاتتى.

ياغدۇرماق

  • ياغدۇرماق[يەشمىسى:] «ياغماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىرقى كىشىلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىپ كەتتى. بۇلۇتلارنى ھەيدەپ كېلىپ يازدا يامغۇر، قىشتا قار ياغدۇرۇۋاتىدۇ.

ياغدۇرۇشماق

  • ياغدۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ياغدۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] پوتەيلەرنى پارتلىتىشقا روتىلاردىن چىققانلار يەر بېغىرلاپ يۈرۈپ كەتتى. قالغانلار گومىنداڭ قىسمىنىڭ ئوت توچكىلىرىغا ئوق ياغدۇرۇشتى.

ياغدۇرۇلماق

  • ياغدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ياغدۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دۈشمەنگە ھەر خىل قوراللاردىن گويا مۆلدۈردەك ئوق ياغدۇرۇلدى.

ياغسىراتماق

  • ياغسىراتماق[يەشمىسى:] «ياغسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ماشىنىنى ياغسىرىتىپ قويۇپسەن، بۇنداق قىلساڭ زاپچاسلار تېزلا كاردىن چىقىدۇ، دېدى ئۇستام قولىغا كۇلۇچ ئېلىۋېتىپ.

ياغسىراشماق

  • ياغسىراشماق[يەشمىسى:] «ياغسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىچارە بالىلار ئۇزۇندىن بېرى ياغ كۆرمەي ياغسىرىشىپ كېتىشىپتۇ، دېدى ئاپام كۆزىگە ياش ئېلىپ.

ياغسىرىماق

  • ياغسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىدىكى ياغ ياكى ياغ تەركىبى كېمىيىپ كەتمەك، ياغسىزلىقتىن ياغقا ئېھتىياجى چۈشمەك، ياغ تەلەپ قىلماق:[مىسال:] ھارۋىنىڭ چاقى ياغسىراپتۇ.

ياغسىز

  • ياغسىز[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېغى يوق، ياغ قۇيۇلمىغان، ياغ ئىشلىتىلمىگەن، ياغلانمىغان؛ يېغى كەم:[مىسال:] ياغسىز پولۇ. ياغسىز گۆش. * ياغسىز تائام ئېغىزغا تېتىمايدۇ (ماقال).

ياغلاتماق

  • ياغلاتماق[يەشمىسى:] «ياغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەنۋەر ماشنىنى ياغلىتىش ئۈچۈن رېمونتخانىغا ھەيدەپ باردى.

ياغلار

  • ياغلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ياغ كىسلاتاسى ۋە ئالكوگول قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ياغ ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتلىرى. كۆپىنچە C, H ,O قاتارلىق ئۈچ خىل ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇلارنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى ۋە تۈزۈلۈشىدە پەرق ناھايىتى زور، لېكىن ھەممىسى سۇدا ئېرىمەيدۇ. خلوروفورم، ئېفىر، ئاتسېتون قاتارلىق قۇتۇپلۇقى بولمىغان ئورگانىك ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىيدۇ. ياغلار ئاساسەن ياغ، ياغسىمان ماددىلار ۋە ستېرولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياغلاشماق

  • ياغلاشماق[يەشمىسى:] ① «ياغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بەزىدە بىر-بىرىنىڭ ئېغىزلىرىنى ياغلىشىپ، بەزىدە ئۆزئارا مارىشىپ ئۆتۈشەتتى.[يەشمىسى:] ② ھەممە يېرىگە ياغ تەگمەك، ھەممە يېرى ياغ بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئەركىن ياغاچ تاۋاقنى تارتىپ ئېلىپ ئېمىر باقىنىڭ بېشىغا ئاتتى. ياغلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپپا ئۇماچقا كۆمۈلدى.

ياغلامچى

  • ياغلامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىرايلىق، سىلىق سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئالدىغۇچى؛ خۇشامەتچى.

ياغلامچىلىق

  • ياغلامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشامەتچىلىك، ئالدامچىلىق.

ياغلانماق

  • ياغلانماق[يەشمىسى:] ① «ياغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قولۇڭ ياغلانسا، دوستۇڭغا سۇۋا (ماقال).[يەشمىسى:] ② «ياغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر ۋاقىتتا ئويغىنىپ قارىسام، ياغلانغان چورۇقۇم غولى يوق چاپىنىمنى مېنىڭدىن سالدۇرۇۋېلىپ، ئۆزى يېپىنىپ راسا ئۇخلاۋېتىپتۇ.

ياغلىشاڭغۇ

  • ياغلىشاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياغ يۇققان، ياغلاشقان، ياغلىشىپ كەتكەن:[مىسال:] ئۇ كونىراپ كەتسىمۇ ھېلىغىچە تاشلىۋېتىلمىگەن، ياغلىشاڭغۇ شاپاق دوپپىسى بىلەن ئۆزىنى يەلپۈشكە باشلىدى.

ياغلىغۇ

  • ياغلىغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغلاش، سۈرتۈپ، تازىلاش ئۈچۈن چوكا ياغاچ ياكى تۆمۈرنىڭ ئۇچ قىسمىغا پاختا ياكى يۇمشاق نەرسە ئوراپ ياسالغان سايمان؛ پەلكۈچ، ماي سۈرتكۈچ.

ياغلىقⅠ

  • ياغلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قولنى سۈرتىدىغان بۆز، لۆڭگە، مايلىق، قول ياغلىق:[مىسال:] تاماقتىن كېيىن ھەممىمىز ياغلىق بىلەن قولىمىزنى سۈرتۈپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتۇق.[يەشمىسى:] ② باشقا ئارتىدىغان بۇرجەكلىك توقۇلما بۇيۇم:[مىسال:] يەر يۈزىنى دەپتىرىمنىڭ ۋاراقلىرىدەك ئاپئاق قار قاپلىغان، دەل-دەرەخلەرنى ئانامنىڭ بېشىدىكى ئاق ياغلىقنىڭ تىۋىتىدەك قىرو باغلىغانىدى.

ياغلىقⅡ

  • ياغلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەركىبىدە ياغ مىقدارى بار، ياغ ئېلىش مۇمكىن بولغان:[مىسال:] ياغلىق دان. ياغلىق زىرائەت.[يەشمىسى:] ② ياغ قويۇلغان، يېغى بار، ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] ياغلىق توقاچ. ياغلىق تاماق.[مىسال:] ياغلىق دان[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ياغنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدىغان زىغىر، قىچا، كەندىر، زاراڭزا قاتارلىق زىرائەت دانلىرى.

ياغلىق قاپاق

  • ياغلىق قاپاق[يەشمىسى:] ① مەخسۇس ياغ قاچىلىنىدىغان، ياغ ئېلىنىدىغان قاپاق:[مىسال:] تاغار يۈدۈپ، ياغلىق قاپاق كۆتۈرگىنىچە شاكىر كىردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسكى نام، يامان ئاتاق:[مىسال:] ياغ ئالسىمۇ ياغلىق قاپاق، ياغ ئالمىسىمۇ ياغلىق قاپاق (ماقال). * ئۇ، ھوشىغا كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ھوشىغا كېلىشىگە مەن ئىشەنمەيمەن. ئۇ ئاللىقاچان بىر ياغلىق قاپاققا ئايلىنىپ كەتتى، دېدى كېرىمئاخۇن ساۋىرئاخۇنغا.

ياغلىق ئوت

  • ياغلىق ئوت[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاشلاندۇق يەرلەردە، بەزى ئېتىزلاردا ئۆسىدىغان، يوپۇرمىقىنىڭ ئۈستى يالتىراق، ئاستى كۈل رەڭ بولغان ياۋا ئوت. بۇ ئوتنى قاينىتىش ئارقىلىق سوپۇن ئىشلەشكە بولىدۇ.

ياغلىق ئۆرۈك

  • ياغلىق ئۆرۈك[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى. مېۋىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، ئەتلىك، سۇ تەركىبى ئاز، تەمى تاتلىق، شىرنىلىك ۋە پارقىراق كېلىدۇ. 6-ئاي ئەتراپىدا پىشىدۇ.

ياغلىق ئۈچەي

  • ياغلىق ئۈچەي[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قوينىڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان چوڭ ئۈچىيى.

ياغلىققارا

  • ياغلىققارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ياغ+لىق+قارا[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى 5 — 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى ۋە شاخلىرى قويۇق بولۇپ، ئۇششاق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. يوپۇرمىقى يولسىز. ئۇششاق گۈللەپ مېۋىلەيدۇ. چۆل ۋە ئېدىرلاردا، تاغ يېنى ۋە تاغ باغرىلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ، چارۋىلارنىڭ ياخشى يەم-خەشىكى ھېسابلىنىدۇ.

ياغلىقلىق

  • ياغلىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ياغلىقى بار، ياغلىق ئارتقان:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا قىزىل ياغلىقلىق ئارزۇگۈل سۇنۇر بىلەن ئالمىشىپ تراكتوردا سازلىقنىڭ يېڭى نەغمىسىنى يەنە ئۆز پەدىسىگە گۈركىرەتتى.[يەشمىسى:] ② ياغلىق تىكىش، توقۇش ئۈچۈن لايىق كېلىدىغان، شۇنىڭغا باب:[مىسال:] ياغلىقلىق رەخت. ياغلىقلىق يىپ. * دىلبەر ياسىنغا ئاتاپ ياغلىق تىكىش ئۈچۈن ئاق تاۋاردىن بىر ياغلىقلىق كەستى.

ياغلىما

  • ياغلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايلىق، سىيلىق ئېيتىلغان، ئەمما چىن، سەمىمىي ئەمەس:[مىسال:] ياغلىما گەپ. ياغلىما تىل. * چىن مۇھەببەت ياغلىما گەپلەرنى يامان ئالىدۇ.

ياغلىماق

  • ياغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياغ سۈركىمەك، ياغ بەرمەك، ياغ قۇيماق:[مىسال:] بۇ كىتابقا كېسەل ئادەمنى ياغلاش، دورا سۈركەش، مەلھەم چاپلاش، ھەمەلچە ئۇسۇللىرىمۇ يېزىلغان.

ياغلىمىچى

  • ياغلىمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىلىق، چىرايلىق، ئېيتىلغان، ئەمما چىن، سەمىمىي بولمىغان گەپ-سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئالدىغۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇنداق ياغلىمىچىنىڭ ئىسمىنى ئىككىنچى ئېغىزىڭغا ئالغۇچى بولما دېدى دادام خاپا بولۇپ ماڭا. ∥ ئۇ گومىنداڭنىڭ ياغلىمىچى ئاقساقاللىرىنى كونا سىياسەتۋازلىرىنى ياخشى كۆرمەيتتى.

ياغلىمىچىلىق

  • ياغلىمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىلىق، چىرايلىق ئېيتىلغان، ئەمما چىن، سەمىمىي بولمىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ، باشقىلارنى ئالداش بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى:[مىسال:] «دوستلۇق ئۈچۈن»، «سالامەتلىك ئۈچۈن» دىن ئىبارەت دەبدەبىلىك ۋە تىل ياغلىمىچىلىقلار ئەخمىدىنىڭ ئېغىزىدا پات-پات تەكرارلىنىپ تۇراتتى.

ياغلىمىلىق

  • ياغلىمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىرايلىق، يېقىملىق سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئالدايدىغان ئادەت، مىجەز.

ياغما

  • ياغما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ Ⅺ ئەسىردە ئۆتكەن بىر قەبىلىسى.

ياغماق

  • ياغماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۈستى-ئۈستىلەپ چۈشمەك، تۆكۈلمەك، قۇيۇلماق:[مىسال:] بەرىكەت ياغماق. قامچا ياغماق. قار ياغماق. * يامغۇر ياغدى — ياغ ياغدى، قار ياغدى — نان ياغدى (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىپادىلەنمەك، كۆرۈنمەك، بىلىنمەك، چىقماق، ئۆرلىمەك، جىلۋىلەنمەك:[مىسال:] چىرايىدىن توپا يېغىپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن مۇئەللىمىنىڭ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بولغۇچە ئۇنىڭ قورسىقى نەچچە قېتىم كوركىراپ بولاتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارقا-ئارقىدىن، ئۈستى-ئۈستىلەپ، توختىماي، ئۈزۈلمەي كەلمەك، كېلىپ تۇرماق:[مىسال:] ئۆتكەن ھەپتە بىزنىڭ ئۆيگە مېھمان يېغىپ كەتتى.

ياغى

  • ياغى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] دۈشمەن:[مىسال:] سامانىيلار بىزگە ياغى تۇرسا، ئۇ ياقتىن بىزگە ياخشىلىق كېلەرمۇ دېدى سۇتۇق بىرئاز چۆچۈگەن ھالدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

ياغىلىق

  • ياغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] دۈشمەنلىك:[مىسال:] ئۇ بىزگە ياغىلىق قىلسا، بىزمۇ ئاڭا ياغى. ياغىغا باش ئېگىش — گۇناھ، بەگ بىلگە، بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك دېدى باتۇر تاغا پەس، لېكىن كەسكىن ئاۋاز بىلەن.

ياقⅠ

  • ياقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بولماسلىق، رەت قىلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ياق مۇئەللىم، بۇنداق قىلسىڭىز بىز خىجىل بولۇپ قالىمىز، دېدى سىدىق. * بىزلەرنى تونۇدىڭىزمۇ دەپ سورىدى ئۇلار. ياق، سىلەر كىم بولىسىلەر، دېدىم جاۋاب بېرىپ.

ياقⅡ

  • ياقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەرەپ، تامان:[مىسال:] ئۇياق-بۇياق. * شۇ ئاندا ئەل ئىچىدىن ۋاڭ-چۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئالدى ياقتىن يەنە بىر تۈركۈم لەشكەر چىقىپ كەلدى. * تۇرسۇننىڭ كۆزلىرى داۋۇتنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، دەررۇ سالاملاشتى، كېيىن باشقا ياققا بۇرۇلدى.[يەشمىسى:] ② كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن كېلىپ ئادەملەرنى سىپايە ئاتاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] بۇ ياق ئالاقانات يەن چىڭ دېگەن بولىدۇ، دېدى ليۇ بېگىم.

ياقاⅠ

  • ياقاⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرغاق، بوي، لەپ، ساھىل:[مىسال:] تۈمەن دەرياسىنىڭ ياقىلىرىدىكى سۇۋادان تېرەكلەر ئارىسىدىن ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن تولۇن ئاي گوياكى ئەۋلىيا ئاتىغا قاراپ كۈلگەندەك تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزى تۇرغان جايدىن يىراق، ئۆزگە، يات، چەت:[مىسال:] ياقا يۇرت. * ياقا يۇرتقا چىقىپ كەتمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر خەۋپلىك، ھالاكەتلىك ۋەقە، ھادىسىنىڭ باشلىنىشىغا، سادىر بولۇشىغا ئاز قالغان ۋاقىت، پەيت، ھالەت:[مىسال:] مۇختەر ئۆلدى، سادىقمۇ ئۆلۈم ياقىسىدا، ئەمدى سىز بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق، دېدى ئاتابېك ھامىدنىڭ قولىدىن تۇتۇپ.

ياقاⅡ

  • ياقاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] كۆڭلەك ۋە چاپان قاتارلىقلارنىڭ بويۇن ئورنى ئۈچۈن چىقىرىلغان قىسمى ۋە ئۇنىڭغا بىرىكتۈرۈپ تىكىلگەن رەخت:[مىسال:] پوقاققا ياقا ياراشماس (ماقال). * ئاتىسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق (ماقال). * ئىت ئېتەكتىن ئالار، خوتۇن ياقىدىن (ماقال).

ياقا تۇتۇشماق

  • ياقا تۇتۇشماق[يەشمىسى:] «ياقا سىقىشماق»قا قاراڭ:[مىسال:] يا كېمىدىكىلەر قىرغاققا چىقالمايتتى، يا قىرغاقتىكىلەر كېمىگە چۈشەلمەيتتى. بىرلىرى كانىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىرىشاتتى، بىرلىرى ئۆزئارا ياقا تۇتۇشاتتى.

ياقا سىقىشماق

  • ياقا سىقىشماق[يەشمىسى:] بىر-بىرىنى بوغۇشۇپ ئۇرۇشماق، مۇشتلاشماق:[مىسال:] بۇندىن ئىلگىرى ئىناق ئۆتۈشىدىغان، قۇلاققا ئېغىز يېقىپ سۆزلىشىدىغان ئەر-خوتۇن كۈن بويى بىر-ئىككى قېتىم ياقا سىقىشىدىغان، ئۆينى بېشىغا كىيىپ تىللىشىدىغان بولۇپ قالدى.

ياقا يىرتماق

  • ياقا يىرتماق[يەشمىسى:] باشقىلار ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەك، ئاۋارە بولماق، جاپا چەكمەك:[مىسال:] ئۇ بۇ كۈنلەردە كەمبەغەللەر ئۈچۈن ياقا يىرتىدىغان سوراقچى تېپىش ھەممىدىن تەس ئىكەنلىكىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى.

ياقىسىدا گۈلەڭگۈچ ئۇچماق

  • ياقىسىدا گۈلەڭگۈچ ئۇچماق[يەشمىسى:] ياقىسىغا ئېسىلماق، ياقىسىغا ئېسىلىپ جېدەل چىقارماق:[مىسال:] خوتۇنى ئۇنىڭ ياقىسىدا گۈلەڭگۈچ ئۇچماقتا ئىدى. چىرايى توپىدەك تاتىرىپ كەتكەن ئابلىز قارى نېمە دېيىشىنى بىلمەي دۇدۇقلايتتى.

ياقىسىدىن ئالماق

  • ياقىسىدىن ئالماق[يەشمىسى:] ئۇرۇشقا تەييارلانماق، ئەدىپىنى بېرىشكە باشلىماق:[مىسال:] خوتۇن ياقىدىن ئالار، ئىت ئېتەكتىن (ماقال).

ياقىسىنى چىشلىمەك

  • ياقىسىنى چىشلىمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا نىسبەتەن ھەيران قالماق، توۋا قىلماق؛ پۇشايمان قىلىپ قالماق:[مىسال:] تۇغقانلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە ھەيران قالغىنىدىن ياقىسىنى چىشلىشىپ، چۇۋۇلدىشىپ كېتىشتى.

ياقاⅢ

  • ياقاⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىجارە (يەر ئىجارىسى).

ياقاڭلىماق

  • ياقاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىرغاڭلىماق، چايقالماق.

ياقا-ياۋان

  • ياقا-ياۋان [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چەت-ياقا.

ياقتۇرماقⅠ

  • ياقتۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «ياقماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوت ياقتۇرماق. چىراغ ياقتۇرماق.

ياقتۇرماقⅡ

  • ياقتۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «ياقماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ قىزنى بىرقانچە قېتىم كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان قۇربانئاخۇن سۇلايمانغا ئېلىپ بېرىمەن دەپ ئەلچى ئەۋەتتى.

ياقتۇرماقⅢ

  • ياقتۇرماقⅢ[يەشمىسى:] «ياقماقⅢ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىسى پاتمىخانغا سامسا ياقتۇرۇپ، ئون سامسىنى تاللاپ بېلىمگە تۈگۈپ، چۈش بىلەن تەڭ ناھىيە بازىرىغا باردىم.

ياقتۇرۇشماق

  • ياقتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ياقتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] باشقىلارمۇ بىرەر ھادىسىگە يولۇقۇپ قالارمىكىن دەپ ئۇنىڭ بېرىشىنى ياقتۇرۇشمىدى.

ياقلاتماق

  • ياقلاتماق[يەشمىسى:] «ياقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ياقلاشماق

  • ياقلاشماق[يەشمىسى:] «ياقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيىلىرىنى ياقلاشماقچى بولۇشقاندا تۇيۇقسىز بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى.

ياقلانماق

  • ياقلانماق[يەشمىسى:] «ياقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ياقلىغۇچى

  • ياقلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەرىپىنى ئالغۇچى، قۇۋۋەتلىگۈچى، ھىمايە قىلغۇچى كىشى؛ ئاقلىغۇچى:[مىسال:] ئۇمۇ مېنى ياقلىغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.[يەشمىسى:] ② مەخسۇس يىغىلىشتا مۇھاكىمىگە قويۇلغان تېمىدا ئىزدىنىپ مۇناسىپ دەرىجىدە ئۇنۋان ئالغۇچى:[مىسال:] ۋاقىت توشقانلىقىنى ئىپادىلەپ قوڭغۇراق چېلىنىشى بىلەن تەڭ دىسسېرتاتسىيە ياقلىغۇچىلار زالغا يىغىلىشقا باشلىدى.

ياقلىما

  • ياقلىما[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تەرەپتىن، جەھەتتىن، تاماندىن:[مىسال:] ئىككى ياقلىما. ھەر ياقلىما.

ياقلىماق

  • ياقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەرىپىنى ئالماق، قۇۋۋەتلىمەك، قوللىماق، ھىمايە قىلماق:[مىسال:] بەزىلەر ئىلگىرى قۇلدارلارنى قانداق چىڭ تۇرۇپ ياقلىغان بولسا ھازىرمۇ ئەڭ ئەشەددىي ئەزگۈچى زېمىندارلارنى، پۇلدار بايلارنى شۇنداق ياقلىماقتا.[يەشمىسى:] ② ئىلمىي ئىشتا بىرەر تېما ياكى كۆزقاراشنى تولۇق دەلىللەپ، شەرھلەپ چىقماق، ئۇنىڭ شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلىماق:[مىسال:] دىسسېرتاتسىيە ياقلىماق.[يەشمىسى:] ③ تەرەپكە بۆلۈنمەك:[مىسال:] ئۇنداق گۇمانلىق ئادەمنىڭ زادى ئىزىنى يوقاتماسلىق كېرەك، تېز بارغىن، ھەلەكنى تېپىپ ئىككى ياقلاپ ئىزلەڭلار، دېدى تىلەك جۈمەگە.

ياقلىمىلىق

  • ياقلىمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ «خىل تەرەپلىك» دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] بىر ياقلىمىلىق. * ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداقتۇر بىر خىل قورقۇنچلۇق ئىككى ياقلىمىلىق خاھىشى باردەك سىزىلەتتى.

ياقما

  • ياقما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياقىدىغان، يېقىپ پىشۇرۇلىدىغان:[مىسال:] ياقما كاۋاپ.

ياقماقⅠ

  • ياقماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۇتاشتۇرماق:[مىسال:] تونۇرغا ئوت ياقماق. كۈجە ياقماق. * مالنى تاپقان باقسۇن، ئوتۇننى چاپقان ياقسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② نۇر، يالقۇن، يورۇقلۇق ھاسىل قىلماق، يورۇتماق، ياندۇرماق:[مىسال:] گۈلخان ياقماق. چىراغ ياقماق. شام ياقماق.

ياقماقⅡ

  • ياقماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دىلغا، خاھىشىغا ماس، مۇناسىپ، باب، خوپ كەلمەك، ماقۇل كۆرمەك، يارىماق؛ مىجەزىگە خىل كەلمەك، توغرا كەلمەك:[مىسال:] ئەلگە ياققان خار بولماس (ماقال). * بەرگەن ئالغانغا يېقىپتۇ بەرمىگەن دەريادا ئېقىپتۇ (ماقال). * قولۇمدىن كەلگىنى كۆڭلۈمگە ياقماس، كۆڭلۈمگە ياققىنى قولۇمدىن كەلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② پايدا قىلماق، خىل كەلمەك:[مىسال:] بۇ دورا ماڭا ياقتى.

ياقماقⅢ

  • ياقماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرنەرسىنى ئىككىنچى بىرنەرسىگە يېقىن ئەكىلىپ تەگكۈزمەك، چاپلىماق:[مىسال:] كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ، قۇلاقنى قۇلاققا ياق (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىنى ئىككىنچى بىرنەرسىنىڭ يۈزىگە چاپلاپ تۇرغۇزماق:[مىسال:] نان ياقماق. * ناننى تونۇرغا ياق، ئاتنى ئوقۇردا باق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ سۈركەپ، چېپىپ مەلۇم ئىز قالدۇرماق، پەيدا قىلماق:[مىسال:] قوللىرىڭغا خېنە يېقىپسەن قىرمىزى، لالە ئىرۇرسەن موللا ھاپىزنىڭ قىزى.

ياقۇتⅠ

  • ياقۇتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى AIO بەزىدە تەركىبىدە ئاز مىقداردا تۆمۈر، تىتان ياكى خروم قاتارلىقلار بولىدۇ. ئۈچ ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كرىستالى كۆپىنچە بەل دۇمبىقىغا ئوخشايدۇ، قۇراشمىسى دانىچە، زىچ كاللەك ھالەتتە بولىدۇ، رەڭگى ئادەتتە كۆكۈچ كۈل رەڭ ياكى سارغۇچ كۈل رەڭ، سۈزۈك ھەم تەركىبىدە ئاز مىقداردا خروم بولغان قىزىل رەڭلىكلىرى قىزىل ياقۇت، سۈزۈك ھەم تەركىبىدە تىتان بولغان كۆك رەڭلىكلىرى كۆك ياقۇت دېيىلىدۇ. تەركىبىدە تۆمۈر بولغانلىرى قوڭۇر؛ مانگان بولغانلىرى ئەتىرگۈل رەڭگىدە بولىدۇ. ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە، قاتتىقلىقى 9؛ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 95.3 — 410.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ياقۇتⅡ

  • ياقۇتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ياقۇتىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ياقۇتچە

  • ياقۇتچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياقۇت خەلقىگە، ئۇلارنىڭ تىلى، يېزىقى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] ياقۇتچە ئادەت. ياقۇتچە ئۇسسۇل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياقۇت تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] ئۇ ياقۇتچىنى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ياقۇت تىلىنى ئىشلىتىپ، ي[يەشمىسى:] اقۇت تىلىدا:[مىسال:] ئۇلار ياقۇتچە سۆزلىشىپ كەتتى.

ياقۇتلۇق

  • ياقۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياقۇتى بار، ياقۇت ئورنىتىلغان:[مىسال:] نۇسرەت تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن ئۈزۈكنى ئېلىپ بارمىقىغا سالدى-دە، كېيىن ئۆزىنىڭ ئاق ياقۇتلۇق ئۈزۈكىنى چىقاردى.

ياقىسىز

  • ياقىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياقىسى يوق، ياقا ئورنىتىلمىغان:[مىسال:] ياقىسىز كۆڭلەك. ياقىسىز يەكتەك.

ياقىلاتماق

  • ياقىلاتماق[يەشمىسى:] «ياقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئازادە، يورۇق بۆلۈمنىڭ تام ياقىلىتىپ قويۇلغان ساپالىرىدا بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بارلىق خادىملار ۋە ئىدارە باشلىقلىرى ئولتۇراتتى.

ياقىلاشماقⅠ

  • ياقىلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «ياقىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياقىلاشماقⅡ

  • ياقىلاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياقا بوغۇشۇپ ئۇرۇشماق، مۇشلاشماق، ياقا تۇتۇشماق، ياقا سىقىشماق:[مىسال:] ئۇ ئېرى بىلەن ياقىلىشىپ قالسا، ئېرىنىڭ يۈزسىزلىك قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدى.

ياقىلىق

  • ياقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ياقىسى بار، ياقا ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئەغزەمنىڭ بويى ئىلگىرىكىدىن يەنىمۇ ئۆسكەن بولۇپ، ئۇچىسىغا يالاڭ چاپان، ئىچىدە ئۆرە ياقىلىق ئاقۇچ كۆڭلەك بار ئىدى.[يەشمىسى:] ② ياقا تىكىش ئۈچۈن لايىق كېلىدىغان، باب كېلىدىغان، ياقا تىكسە بولىدىغان:[مىسال:] ئوغلۇمنىڭ يۇقىرىقى كالپۇكىنىڭ ئۈستىدە خۇددى كىچىكرەك بىر ياقىلىقنى بېكىتىپ قويغاندەك قويۇق قاپقارا بۇرۇت بار ئىدى.

ياقىلىماق

  • ياقىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تام، يول، دەريا، ئۆستەڭ، قاتارلىقلارنى بويلاپ ماڭماق، يۈرمەك:[مىسال:] سۇ ياقىلىماق. دەريا ياقىلىماق. * تام ياقىلىساڭ تام باسار(ماقال).

ياقىماق

  • ياقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چايقىماق، يۇماق.

ياكسا

  • ياكسا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئادەم يەيدىغان، ئادەمخور.

ياكور

  • ياكور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ماشىنىسىدىكى ئېنېرگىيە ئالماشتۇرىدىغان ئورۇن، يەنى ئېلېكتر ماشىنىسىنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرىدىن بىرى. ئۇ ئورام گۇرۇپپىسى بىلەن كىرىمنىيلىق پولات پلاستىنكىلارنى قاتلاشتىن ياسالغان تۆمۈر ئۆزەكتىن تۈزۈلىدۇ.

ياكى

  • ياكى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىنى ۋە جۈملىلەرنى بىر-بىرى بىلەن باغلايدىغان تاللاش باغلىغۇچىسى:[مىسال:] شەھەر ئەتراپىدىكى دېھقانلار ئۇلاغقا مىنىپ ياكى رېزىنكە چاقلىق ئېشەك ھارۋىلىرىدا ئولتۇرۇپ ئايىغى ئۈزۈلمەي شەھەرگە قاراپ كېتىۋاتاتتى.

ياڭاقⅠ

  • ياڭاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ياڭاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى ئېللىپس شەكلىدە، ئۈچكىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە بولىدۇ. سىرتقى مېۋە شۆپۈكى سىلىق، ئىچكى مېۋە شۆپۈكى قاتتىق ۋە بۈدۈر-بۈدۈر بولىدۇ. ياغىچى مەزمۇت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەر خىل ئۆي جاھازلىرى ياسىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ مېغىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ. ياغمۇ تارتىلىدۇ، دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ياڭاقⅡ

  • ياڭاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قۇلاقنىڭ ئالدىدىكى چاچ ئۆسكەن جاي.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] قوۋۇزنىڭ چالغاندا چىشلەپ تۇرىدىغان ئىككى يان بۆلىكى. قوۋۇزدا بىر جۈپ بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا تىل بولىدۇ.

ياڭاقلىق

  • ياڭاقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياڭاق دەرىخى بار، ياڭاق دەرىخى كۆپ تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن، ياڭاق تىكىلگەن:[مىسال:] ياڭاقلىق باغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياڭاق كۆپ تىكىلگەن يەر، ياڭاق كۆپ ئۆستۈرۈلگەن، ياڭاق ئاساس قىلىنغان باغ:[مىسال:] گاھىدا بۇغدايلىق، گاھىدا ياڭاقلىق كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولاتتى.

ياڭپايلى

  • ياڭپايلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يانتۇلۇق، يانتۇ يەر.

ياڭتاۋ

  • ياڭتاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئاچچىقئوت ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۇخۇم شەكلىدە. گۈل تاجى ياپراقچىسى ئاق ياكى سۇس سۆسۈن. گۈل كاسسىسى قىزغۇچ سۆسۈن، شىرنىلىك مېۋىسى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، يېشىل ياكى سېرىق رەڭدە بولىدۇ، بەش تال قىرى بار، يېيىشكە بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ياڭراتقۇ

  • ياڭراتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋازنى چوڭايتىش ۋە ئاۋاز ئۈنۈمىنى ياخشىلاپ بېرىدىغان ئېلېكترونلۇق قۇرۇلما:[مىسال:] ئۈنئالغۇنىڭ ياڭراتقۇسى.

ياڭراتماق

  • ياڭراتماق[يەشمىسى:] «ياڭرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئالقىش ياڭراتماق. ناخشا ياڭراتماق.

ياڭراشماق

  • ياڭراشماق[يەشمىسى:] «ياڭرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ چاغ يالغۇز ناخشىلا ئەمەس، ئوركېستىرمۇ تىنماس ياڭرىشىپ، شۇ چاغ بۇ جاي ئاۋات ۋەتەندە، بىر چىمەندەك تۇرار يارىشىپ.

ياڭراق

  • ياڭراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاراڭلاپ تۇرىدىغان؛ جاراڭلىق، ئۈنلۈك:[مىسال:] ياڭراق سادا. ياڭراق ئاۋاز.

ياڭراقلىق

  • ياڭراقلىق[يەشمىسى:] ① ياڭراق ۋە جاراڭلىق بولۇش، جاراڭلىقلىق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋازنىڭ كىشىلەرگە سېزىلىدىغان كۈچلۈك-ئاجىزلىق دەرىجىسى. ئۇ تەۋرىنىش ئامپىلىتۇدىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، چاستوتىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى ۋە دولقۇن شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ياڭراقلىق، تېمبىر ۋە ئاھاڭ مۇزىكىلىق ئاۋازنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىك پارامېتىرىدۇر.

ياڭرىماق

  • ياڭرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈنلۈك، جاراڭلىق چىقماق، جاراڭلىق ئاڭلانماق، جاراڭلىماق:[مىسال:] مېنىڭ ئىككىنچى ئوقۇم بىلەن تەڭ ئارقا تەرەپتىن ئوق ئاۋازلىرى ياڭراپ كەتتى.

ياڭزا

  • ياڭزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ مەلۇم شەكىلدىكى تۈرى؛ پاسۇن، شەكىل:[مىسال:] ئىككىمىز خۇددى قوي قوزىسىدىن، لەغمەن قورۇمىسىدىن، چىغرىق پوزىسىدىن، بۇلبۇل باغدىن، كېيىك تاغدىن، چىراغ ياغدىن، بەڭگە غاڭزىسىدىن، خېنىم ياڭزىسىدىن ئايرىلغاندەك ئايرىلىپ كەتتۇق.

ياڭزا-ياڭزا

  • ياڭزا-ياڭزا[يەشمىسى:] خىلمۇخىل، ھەر خىل:[مىسال:] بۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق ھېلىقى ياڭزا-ياڭزا ئاتلىرى ئۆچۈپ، ئەمدىكى نامى «نۇسرەت نۆل» بولغانىدى. نۇسرەت، مانا شۇنداق نۆلدەك تۈگۈلۈپ ياتاتتى.

ياڭزىمۇياڭزا

  • ياڭزىمۇياڭزا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەر خىل، ھەرياڭزا، خىلمۇخىل، تۈرلۈك، تۈمەن:[مىسال:] يازنىڭ بۇنداق ھاۋا ئوچۇق، تەبىئەت گۈزەللىك ھۆسنىگە تولغان يەكشەنبىلىرىدە قىزلار ياڭزىمۇياڭزا كىيىملىرىنى كىيىشىپ، كىچىك سومكىلىرىنى بىلىكىگە ئېسىشىپ كوچا ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

ياڭسۇڭ

  • ياڭسۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىدىماس، نامەرد؛ ھاكاۋۇر، پوچى، ياسانچۇق.

ياڭشىماق

  • ياڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆپ سۆزلىمەك، مەمەدانلىق قىلماق؛ سايراپ كەتمەك.

ياڭيۇ

  • ياڭيۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چەيزە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. كىچىك يوپۇرمىقى ساپاقلىق، يۇمىلاق ۋە تۇخۇمسىمان، گۈلى ئاق ياكى كۆكۈچ سۆسۈن. يەر ئاستى تۈگۈنەك غولى سېمىز ۋە يوغان، يېيىشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك غولى. ئادەتتە كۆكتات قىلىنىدۇ.

ياڭيۇگۈل

  • ياڭيۇگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ياڭيۇ+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ[يەشمىسى:] يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسۈپ، پەيسىمان يېرىلىدۇ. تۈگۈنەك يىلتىزى بولىدۇ. گۈلىنىڭ رەڭگى خىلمۇخىل بولۇپ، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

يال

  • يال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ بويۇن قىلى:[مىسال:] ھەسەن-ھۈسەندەك يىراق سوزۇلغان، ھەممە يوللارنىڭ تۈگۈنى بۇ يەر كىشنەپ مەنزىلگە تەلپۈنۈپ تۇرغان، بوز يال تۇلپارنىڭ يۈگىنى بۇ يەر.

يالا

  • يالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى قارىلاش، ئەيىبلەش مەقسىتىدە ئويلاپ چىقىرىلغان ئاساسسىز گەپ-سۆز، تۆھمەت، بەتنام، بوھتان، قارا:[مىسال:] قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى (ماقال).

يالاتماق

  • يالاتماق[يەشمىسى:] ① «يالىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بالىسىغا تەخسىدىكى قالدۇق ھالۋىنى يالاتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېكترون ياكى باشقا خىمىيىلىك ئۇسۇللار بىلەن بىر خىل مېتالنى يەنە بىر خىل مېتال ياكى باشقا بۇيۇملار يۈزىگە نېپىز بىر قەۋەت قىلىپ يۇقتۇرماق. مەسىلەن، ئالتۇن يالىتىش، كۈمۈش يالىتىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

يالاشماقⅠ

  • يالاشماقⅠ[يەشمىسى:] «يالىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇلتۇر ئۇلار يىللىق يېمەك-ئىچمەك، يەم-خەشەكلىرىنى غەملەپ، ھەربىر ئائىلە يەنە نەق ئىككى مىڭ تەڭگە ئارقىسىغا سېلىۋالدى. بىز كالپۇكلىرىمىزنى يالىشىپ قالدۇق.

يالاشماقⅡ

  • يالاشماقⅡ[يەشمىسى:] «يالىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتالمىش يۇرت كاتتىلىرى ئامبالنى يالىشىپ يامۇلغا كىرىپ كېتىشتى.

يالاق

  • يالاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىت، مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلىنىدىغان قاچىسى:[مىسال:] يالاقچى يالاق بىلەن ماڭىدۇ، تېجىمەل تاياق بىلەن ماڭىدۇ (ماقال).

يالىقىنى يالىماق

  • يالىقىنى يالىماق[يەشمىسى:] قۇللارچە خۇشامەت قىلماق:[مىسال:] ئارتۇق گېپىڭنى قوي، بېرىپ ئۈجمەڭنى تېرىپ يە، يالىقىڭنى يالاپ يۈرۈۋەر

يالاقچى

  • يالاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا خۇشامەت، تەخسىكەشلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئۇلاردىن نەپ ئالىدىغان كىشى:[مىسال:] ئون خوجايىندىن بىر يالاقچى يامان (ماقال). * توخۇ تۇرنا، بۆرە قاراقچى، تۈلكە ماراقچى، سېغىزغان يالاقچى نامىنى ئالغان ئول زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن.

يالاقچىلىق

  • يالاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا خۇشامەت، تەخسىكەشلىك قىلىش؛ خۇشامەتچىلىك، خۇشامەتگۇيلۇق:[مىسال:] يالاقچىلىق قىلماق. * قازىنىڭ يالاقچىلىقى ئۇنىڭ مۇغەمبەرلىك بىلەن پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.

يالاڭⅠ

  • يالاڭⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دائىم، ھەمىشە، ھەممە ۋاقىت، نوقۇل:[مىسال:] سىزنىڭ ئالدىڭىزغا يالاڭ ئاشۇنداق ئادەملەر كېلىدىغان بولغاچقا ئادەتلىنىپ قالغان گەپ-تە، دېدى ئۇ مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «پەقەت، ساپ، غىچ، يالغۇز» قاتارلىق مەنىلەردە چەكلىنىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مۇز داۋاندا قار ياغدى، تۈزلەڭدە يالاڭ يامغۇر. دەردمەنلەرگە كۈن بەرمەس، دۇۋاڭ چېرىكى قانخور.

يالاڭⅡ

  • يالاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەستەرلەنمىگەن ياكى ئەستىرىگە پاختا ئېلىنمىغان، نېپىز، بىر قات:[مىسال:] يالاڭ پەشمەت. يالاڭ كىيىم.[يەشمىسى:] ② قىنىدىن چىقىرىلغان، ياكى غىلاپسىز، قىنسىز؛ يالىڭاچ (قىلىچ، پىچاق ھەققىدە):[مىسال:] خان ئوغۇل بىلەن سۇباشى توغرۇلبەگ ئۈچ-تۆت غۇلاچچە نېرىدا توختاپ، يالاڭ قىلىچىنىڭ پاينىكىنى پېشانىلىرىگە قويۇپ ئۈزەڭگىدە تىك تۇرۇپ تەڭ ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى.[يەشمىسى:] ③ تاق، يالغۇز:[مىسال:] يالاڭ پەش. يالاڭ تىرناق.

يالاڭ ئاياغ

  • يالاڭ ئاياغ[يەشمىسى:] ① ھېچ نەرسە كىيمىگەن، ئايىغى يوق، ئاياغسىز:[مىسال:] يالاڭ ئاياغ ماڭماق. يالاڭ ئاياغ يۈرمەك. * يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇھتاجلىقتا ياشايدىغان، باي ئەمەس، نامرات، كەمبەغەل؛ يالاڭ تۆش:[مىسال:] سەن يالاڭ ئاياغلارغا گۈل تېرىشنى كىم قويۇپتۇ يوقات بۇ بىرنېمەڭنى دېدى باي.

يالاڭ تورنىك

  • يالاڭ تورنىك[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① گىمناستىكا ئەسۋابى. تىرىگۈچى ئىككى تۈۋرۈك ئۈستىگە بىر تال تۆمۈر بالداقنى ئورنىتىش ئارقىلىق ياسالغان.[يەشمىسى:] ② گىمناستىكا مۇسابىقە تۈرى. بۇنىڭدا تەنھەرىكەتچىلەر يالاڭ تورنىك ئۈستىدە ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئورۇندايدۇ.[مىسال:] يالاڭ تۆش[يەشمىسى:] ئارانلا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان؛ كەمبەغەل، نامرات، يوقسۇل:[مىسال:] مەن مۇزەپپەر بەگنىڭ پادىسىنى بېقىپ يۈرگەندە، يالاڭ تۆش يېتىم، يالاڭ ئاياغ يىگىتنىڭ خان-پادىشاھ بولۇپ، ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپ، يۇرتنى گۈللەندۈرگەنلىكى توغرىسىدا سانسىز چۆچەكلەرنى ئاڭلىغانىدىم.

يالاڭ تىرناق

  • يالاڭ تىرناق[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر ئېلىنىدىغان، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدىغان، قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى (()).

يالاڭغىداق

  • يالاڭغىداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسە كىيمىگەن، ئايىغى يوق، ئاياغسىز.

يالاڭقات

  • يالاڭقات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]يالاڭ+قات[[يەشمىسى:] ئەستەرسىز، نېپىز:[مىسال:] ئەستەرلىك چاپاننىڭ ئورنىغا يالاڭقات چاپاننى بەرسىڭىز، سىز پايدا ئالغان بولمامسىز دېدىم داۋۇتقا.

يالاڭلىق

  • يالاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشلىتىلمىگەن بوش يەر:[مىسال:] يولنىڭ يار تەرىپىدىكى، يامغۇر يالاپ ئېچىلغان چوڭ بىر يالاڭلىقتا، تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە باشلىغان كونا بىر مەسچىت بار ئىدى.

يالاڭلىماق

  • يالاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىنىدىن، غىلىپىدىن سۇغۇرماق:[مىسال:] ئىككىيلەڭنى سويىمەن-دەيتتى ئۇ پىچىقىنى يالاڭلاپ، بىردەم خالىققا، بىردەم رىزۋانگۈلگە يولۋاستەك ئېتىلىپ.

يالاڭۋاش

  • يالاڭۋاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]يالاڭ+باش[[يەشمىسى:] بېشىغا بىرەر نەرسە كىيمىگەن، ئارتمىغان، باش كىيىمسىز:[مىسال:] يالاڭۋاش، بۇغداي ئۆڭلۈك، قارا كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ تۇرغان ئون سەككىز ياشلاردىكى ئوقۇغۇچى ئالدىدىكى شىرەنى ئىككى قولىدا چىڭ باسقان ھالدا قىزغىنلىق بىلەن سۆزلىمەكتە ئىدى.

يالاڭۋاشتاق

  • يالاڭۋاشتاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]يالاڭ+باش+تاق[[يەشمىسى:] «يالاڭۋاش»قا قاراڭ:[مىسال:] دادىسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگرەپ كېتىپ بارغان يالاڭ ئاياغ، يالاڭۋاشتاق بالىغا زوقلانغان غىياسىدىن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېتىپ قالدى.

يالاندى

  • يالاندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوپۇننىڭ ئىشلىتىلىپ ئېشىپ قالغان قىسمى؛ نەرسىلەرنىڭ يالىنىپ قېلىپ قالغان قالدۇقى:[مىسال:] سەمەتنىڭ كۇچا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن كونىراق قۇلاقچىسى بولسا ئوتتۇرىسى چاچسىز، يالاندىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان بېشىنى سوغۇقتىن ساقلايتتى.

يالانماقⅠ

  • يالانماقⅠ[يەشمىسى:] «يالىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يالانماقⅡ

  • يالانماقⅡ[يەشمىسى:] «يالىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يان-ياندا يايىسى قاسىم سىلىڭنىڭ، تۇتقۇنلار يالىنىپ كەلدۇق رەستىگە. نائىلاج قىستىشىپ ماڭدۇق باش ئېگىپ، كۆز سېلىپ ئاسفالت يولنىڭ تەكتىگە.

يالپاق

  • يالپاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياپىلاق ۋە ياپىلاققا يېقىن، يېسسى:[مىسال:] يالپاق بۇرۇن. يالپاق يۈز.

يالپاقلاتماق

  • يالپاقلاتماق[يەشمىسى:] «يالپاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاياللارغا سەۋزىنى يالپاقلىتىپ تەييار قىلىپ قويغانىدى.

يالپاقلاشماق

  • يالپاقلاشماق[يەشمىسى:] «يالپاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار سەۋزىنى بىردەمدە يالپاقلىشىپ بولدى.

يالپاقلانماق

  • يالپاقلانماق[يەشمىسى:] «يالپاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چامغۇر يالپاقلىنىپ توغرالغاندىن كېيىن قازانغا تاشلاندى.

يالپاقلىماق

  • يالپاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياپىلاق، يېسسى ھالغا كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ چامغۇرنى يالپاقلاپ بولغاندىن كېيىن پەمىدۇر توغراشقا باشلىدى.

يالپۇز

  • يالپۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۆت قىرلىق، يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى سۇس سۆسۈن. غول ۋە يوپۇرماقلىرىدا ئېغىزدىن شامال چىقىرىدىغان خۇشبۇي تەم بولىدۇ، پۇراقلىق، دورا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان ئاروماتىك بىرىكمىنى كەمپۈت ۋە ئىچىملىكلەرگە قوشۇشقا بولىدۇ.

يالپۇزلۇق

  • يالپۇزلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يالپۇز ئۆسكەن، يالپۇز بار:[مىسال:] قېنى يامغۇردا يۇيۇلغان باغلار، ھەيۋەتلىك شەھەرنىڭ ئاۋات بازىرى يالپۇزلۇق ئۆستەڭ ۋە مەر-مەر كۆل ئورنى، بولۇپتۇ گويا بىر سەھرا مازىرى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالپۇز ئۆسكەن يەر:[مىسال:] بىز ئەمدىلا يالپۇزلۇققا كەلگەندە، كىمدۇر بىرىنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

يالت

  • يالت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئومۇمەن كۆز نۇرى ۋە باشقا نۇرلارنىڭ بىرەر نەرسە ئۈستىدە دەرھال پەيدا بولۇش ياكى يوقىلىش ۋە ياكى تېزلا باشقا ياققا كۆچۈش ھالىتى:[مىسال:] مەن رەيھاننىڭ قاپقارا كۆزلىرىدە ئۆز ئېتىقادىغا گۇمانسىز ئىشىنىدىغان كىشىلەردىلا بولىدىغان بىر خىل ئۇچقۇننىڭ يالت قىلىپ چاقنىغانلىقىنى كۆردۈم.

يالتايتماق

  • يالتايتماق[يەشمىسى:] «يالتايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پاشاخان ئەزىزنى ساددا، گول، ياۋاش كۆردى، كۆڭلىدە شوخ ئەمەسكەن، دەپ ياراتمىدى. ھەتتا رەھىمەنى ئۇنىڭدىن يالتايتماقچىمۇ بولدى.

يالتايغاق

  • يالتايغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتتىن ئاسان يالتىيىۋالىدىغان، يېنىۋالىدىغان؛ تولا يالتىيىپلا يۈرىدىغان:[مىسال:] يالتايغاق ئادەم. * قانداق دېگەن يالتايغاق نېمىسەن بىردەم ماقۇل دەيسەن، بىردەم يالتىيىسەن دېدى سادىر رەنجىپ.

يالتايماق

  • يالتايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر سەۋەب تۈپەيلى قىلماقچى بولغان گەپ-سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتتىن ۋاز كەچمەك؛ ئەسلىي ھالدىن ئۆزگىرىپ قالماق، يېنىۋالماق:[مىسال:] مەن نامەت توغرۇلۇق ئويلاشتىن تېزلا يالتايدىم-دە، ئۇنىڭ يېنىدا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۇخلاۋاتقان قۇرماش ئىسىملىك قازاق يىگىتكە قارىدىم.

يالتتىدە

  • يالتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «يالت» قىلغان ھالدا، «يالت» قىلىپ؛ تېزلىك بىلەن، بىردىنلا:[مىسال:] مەن قىزنىڭ ئاجايىپ كېلىشكەن ھۆسنىگە يالتتىدە قارىغىنىمدا، يۈرىكىم «جىغ» قىلىپ قالدى.

يالتىراتماق

  • يالتىراتماق[يەشمىسى:] ① «يالتىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پېشايۋانغا دېرىزىلەردىن چۈشكەن يورۇق نۇر قار دۆۋىلىرىنى يالتىرىتىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] دېتال يۈزىگە ئىش قوشۇپ، يۇقىرى دەرىجىدە پارقىراتماق. ئادەتتە رەخت ياكى پولات سىمدىن ئىشلەنگەن يالتىرىتىش چاقى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېلېكترولىزلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ.

يالتىراشماق

  • يالتىراشماق[يەشمىسى:] «يالتىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەن كۆرگەن يېزىلاردا، ئوتلاقلاردا، ئادەملەر ياشاش ئۈچۈن ئالدىراشقان، سائادەت تاپقان تاغلار يۇلتۇز كەبى قۇياش — قار نۇرلىرىدا يالتىراشقان.

يالتىراق

  • يالتىراق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يالتىراپ تۇرىدىغان، يالتىراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يالتىرايدىغان، پارقىرايدىغان، پارقىراق:[مىسال:] يالتىراق شەبنەم. * ئۇنىڭ سەدەپتەك ئاپئاق ئۇششاق چىشلىرى ھال رەڭ لەۋلىرى ئارىسىدا يالتىرىغاندا گوياكى ئانار دانىلىرى ئورنىغا سەدەپتەك يالتىراق ئۈنچىلەر پاتۇرۇپ قويۇلغاندەك تۇيۇلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جوزا، ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىگە سېلىش ئۈچۈن سولياۋدىن ئىشلەنگەن، يۈزى يالتىراپ تۇرىدىغان بىر خىل بۇيۇم. سولياۋ داستىخان.

يالتىرىغاق

  • يالتىرىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يالتىراش خۇسۇسىيىتىگەئىگە؛ پارقىراق.

يالتىرىماق

  • يالتىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پارقىرىماق، چاقنىماق:[مىسال:] ياسىننىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەن تەڭ، ئەڭگۈشتەردىن ۋال-ۋۇل قىلىپ بىر نۇر چاقناپتۇ-دە، پۈتۈن ئەتراپ نۇر بىلەن يورۇغاندەك يالتىراپ كېتىپتۇ.

يالتىيىشماق

  • يالتىيىشماق[يەشمىسى:] «يالتايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ كۈنى مېنىڭ بارمىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارمۇ يالتىيىشىپتۇ.

يالت-يۇلت

  • يالت-يۇلت[يەشمىسى:] ① «يالت» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ھالەتلەر. [يەشمىسى:] ② ناھايىتى تېز، تېزلىك بىلەن:[مىسال:] ماھىرە جىم بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ھېلىقى كۈنى كېچىدىكى ئىشلار گويا چاقماقتەك «يالت-يۇلت» قىلىپ ئۆتتى.

يالجا

  • يالجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نەتىجە، ئاقىۋەت.

يالجىتماق

  • يالجىتماق[يەشمىسى:] «يالجىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نېمە بولسىمۇ قۇتقۇزدۇڭ، بەگ بىزنى يالجىتمىدى، ئەمدى ئۇلارنى قويدۇرۇۋەت، دېيىشتى جامائەت ياسىن خوجىغا تەلمۈرۈشۈپ.

يالجىشماق

  • يالجىشماق[يەشمىسى:] «يالجىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يالجىماقⅠ

  • يالجىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەرىكەت تاپماق، ئىلگىرى كەلمەك، روناق تاپماق، تەرەققىي قىلماق:[مىسال:] يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس (ماقال). * ئالدىرىغان قىز ئەردە يالجىماپتۇ (ماقال). * يالجىمىساڭ يەر يۆتكە (ماقال).[يەشمىسى:] ② مىقدارى، ھەجمى كۆپەيمەك، ئۇلغايماق، زورايماق، ئاشماق، ئۆرلىمەك (ئوت ھەققىدە):[مىسال:] ئوتۇڭ يالجىپ كۆيدۈرىدۇ يۈرەكنى، كۆيگەن يۈرەك بىر تۇتمىدى بىلەكنى. رەھىم قىلسا خۇدا مەندەك غېرىبقا، يېقىن قىلار يىراقتىكى تىلەكنى.

يالجىماقⅡ

  • يالجىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زېرىكمەك.

يالدىماق

  • يالدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ يالىنى قىرقىماق.

يالغان

  • يالغان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەقىقەتكە زىت، ناتوغرا؛ راست ئەمەس، ئويدۇرما، ساختا، ياسالما:[مىسال:] يالغان گەپ. يالغان جاۋاب. * كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭمۇ قۇلاق ئاڭلىغان يالغان (ماقال). * يالغان راست بولماس، راست يالغان بولماس (ماقال).

يالغانچى

  • يالغانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالغان گەپ قىلىدىغان، يالغان ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم، ئالدامچى:[مىسال:] يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان (ماقال).

يالغانچىلىق

  • يالغانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالغان سۆزلەش ئىشى، ھەرىكىتى:[مىسال:] يالغانچىلىق قىلماق.

يالغاندىن

  • يالغاندىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يالغان، ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ساختىلىق بىلەن:[مىسال:] ئىككىسى ئېلىشتى، بىرنەچچە مەرتەم ئېلىشىپ بولغاندىن كېيىن، جاسارەت يالغاندىن يېڭىلگەندەك بولۇپ، مەيداندىن چېكىندى. شۆھرەت ئارقىدىن قوغلىدى.

يالغان-ياۋىداق

  • يالغان-ياۋىداق[يەشمىسى:] ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە بولمىغان، پىتنە-پاسات، پىتنە-ئىغۋا:[مىسال:] يالغان-ياۋىداق سۆز. «مەنغۇ ئەر كىشى، بۇنداق يالغان-ياۋىداقلارغا پىسەنت قىلمىساملا بولدى، ئەمما نۇربىيە قانداق قىلىدۇ» ئۇ شۇلارنى ئويلاپ بېشىنى قاتۇراتتى.

يالغۇز

  • يالغۇز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شېرىكى يوق، بىر ئۆزى؛ يەككە، تەنھا، يېگانە:[مىسال:] يالغۇز ھويلا. * يالغۇز خىش تام بولماس (ماقال). * يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ، يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «پەقەت، بىرغىنا، بىرلا» دېگەن مەنىلەردە چەكلىنىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىشقا كېتىدىغىنى ئىشقا كەتتى، مەكتەپكە بارىدىغىنى مەكتەپكە ماڭدى، يالغۇز ئاسىگۈللا قالدى.

يالغۇزەكⅠ

  • يالغۇزەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قارا ئېلىكنىڭ يېنىغا جايلاشقان پالاقسىمان ياپىلاق سۆڭەڭ.[يەشمىسى:] ② ئۆزى يالغۇز، تەنھا ئادەم ياكى نەرسە:[مىسال:] ئۇ بىچارە يالغۇزەك، شۇنى ئېنىق بىلەركەن: پېشانىسىگە بىرئۆمۈر، پۇتلىكاشاڭلار پۈتۈلگەن.

يالغۇزەكⅡ

  • يالغۇزەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] نەي:[مىسال:] شىنجاڭنىڭ بۇرغا، يالغۇزەك (نەي)، بورىيا، بالىمان، دۇمباق، غۇڭقا، بارباب، راۋاب، غېجەك قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى زۇ، چىڭ، سەي، قاتارلىق چالغۇلار بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

يالغۇزچىلىق

  • يالغۇزچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالغۇز قېلىش، يالغۇز يۈرۈش، يالغۇز ھايات كەچۈرۈش:[مىسال:] يالغۇزچىلىق تارتماق. * يالغۇزچىلىقتا بەزىدە مەنمۇ جېنىمدىن جاق تويىمەن. ئادەم بالىسى دېگەنگە قېرىغاندىمۇ ئەرگە — خوتۇن، خوتۇنغا — ئەر لازىم بولىدىكەن. * ئۇ تېخىمۇ يېتىملىك ۋە يالغۇزچىلىق كوچىسىدا ئازاب چېكىشكە باشلىدى.

يالغۇزدىن-يالغۇز

  • يالغۇزدىن-يالغۇز[يەشمىسى:] ئىنتايىن يالغۇز، يالغۇزلا:[مىسال:] يالغۇزدىن-يالغۇز داڭقان قاينىتىپ زېرىكمىدىلىمۇ دېدى ئۇ چاقچاق قىلىپ.

يالغۇزسىراتماق

  • يالغۇزسىراتماق[يەشمىسى:] «يالغۇزسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ئۇنى يالغۇزسىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن پات-پات يوقلاپ تۇردۇم.

يالغۇزسىرىماق

  • يالغۇزسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يالغۇزلۇق ھېس قىلماق، يالغۇز قالغاندەك ھېسسىياتتا بولماق، يالغۇزلۇق تارتماق:[مىسال:] ئالماس بىلەن جۈمە كۈتكۈچىسى يوق بىر ئايال بىلەن سوغۇق ئۆيدە يالغۇزسىراپ قالغان ئىككى تۇل خوتۇننى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى سەرەمجانلاشتۇردى.

يالغۇزلۇق

  • يالغۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالغۇز ھالەت، يالغۇز تۇرمۇش:[مىسال:] يالغۇزلۇقتا يەر ياخشى (ماقال).

يالقاۋ

  • يالقاۋ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلىشنى، ئىشلەشنى خالىمايدىغان، ئىش خۇش ياقمايدىغان؛ ھۇرۇن، ئېرىنچەك:[مىسال:] يالقاۋ بالا.

يالقاۋلاشتۇرماق

  • يالقاۋلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «يالقاۋلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يالقاۋلاشماق

  • يالقاۋلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يالقاۋ، ھۇرۇن، ئىش خۇشياقماس بولۇپ قالماق؛ ئەمگەك قىزغىنلىقىنى يوقاتماق:[مىسال:] بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى ئوردىدا بىكار يېتىپ يەپ يالقاۋلىشىپ كەتكەن ۋەزىرلەرنىڭ بېشىغا تاغ يىقىلغاندەك بولۇپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.

يالقاۋلىق

  • يالقاۋلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلىشنى خالىمايدىغان ئادەت، مىجەز، ھۇرۇنلۇق:[مىسال:] يالقاۋلىق قىلماق. * يالقاۋلىق — ئىنسانغا پۇشايمان ئېلىپ كېلىدۇ.

يالقۇن

  • يالقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆيۈۋاتقان نەرسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئوت؛ يورۇقلۇق:[مىسال:] تۈتۈنى كۆپ، يالقۇنى ئاز (ماقال). * بىرچاغدىن كېيىن ئۆگزىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرى چىقىشقا باشلاپتۇ ۋە بىردەمدىلا دەھشەتلىك يالقۇنغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

يالقۇنجاتماق

  • يالقۇنجاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «يالقۇنلاتماق»قا قاراڭ:[مىسال:] سۈپۈرگە مىراب بېگى بۇ چوغنى مەدەت شامىلى بىلەن يالقۇنجىتىشقا بەل باغلىدى.

يالقۇنجىماق

  • يالقۇنجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «يالقۇنلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] بۇ كۈنلەردە ھاۋا ئىسسىق ئىدى. يەر خۇددى دەزمالدەك قىزىپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن دالا تونۇرغا ئوخشاش يالقۇنجاپ تۇراتتى.

يالقۇنلاتماق

  • يالقۇنلاتماق[يەشمىسى:] «يالقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يېتىپ كەپتۇ بىر ئەجدىھا، ئاغزىدىن ئوت يالقۇنلىتىپ دەم تارتىپلا يۇتۇۋاپتۇ، ئىككى دوستنى پالاقلىتىپ.

يالقۇنلانماق

  • يالقۇنلانماق[يەشمىسى:] «يالقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باي دېھقاننىڭ ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىدە ئۈمىد ئۇچقۇنى قايتا يالقۇنلاندى.

يالقۇنلۇق

  • يالقۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يالقۇنلانغان، يالقۇنلىنىپ كۆيۈۋاتقان، يالقۇنلىغان، ئوتلۇق:[مىسال:] ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، يولۇچىلار ياققان گۈلخاننىڭ يالقۇنلۇق تەپتى خۇددى يېڭى چىققان قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدەك، يايلاققا ھارارەت بېغىشلايتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىزغىن، جۇشقۇن:[مىسال:] يالقۇنلۇق سۆز. يالقۇنلۇق كۈي. * مەن ئەمدى يىگىرمە بەش ياشتىمەن، ھاياتىمنىڭ مۇشۇنداق يالقۇنلۇق چېغىدا ناكار بولۇپ ياتسام مەن ئۈچۈن ئاسانمۇ

يالقۇنلىماق

  • يالقۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يالقۇن ھاسىل قىلماق، يالقۇن پەيدا بولماق؛ يانماق، ئوت ئالماق:[مىسال:] تومۇز مەۋسۇمى كىرگەندىن بۇيان، ئىسسىقنىڭ ھارارىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى. قۇياشنىڭ ئوتلۇق تەپتىدىن قىزىپ كەتكەن توپىلار ۋە تام-تورۇسلار گويا تونۇردەك يالقۇنلايتتى.

ياللاتماق

  • ياللاتماق[يەشمىسى:] «ياللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئىككى يىگىتنى ئائىلىسىگە ياللىتىپ بەردى.

ياللاشماق

  • ياللاشماق[يەشمىسى:] «ياللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئادەم ياللىشىپ ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاپ بولۇشتى.

ياللانما

  • ياللانما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان، ياللانغان:[مىسال:] ياللانما دېھقان. ياللانما ئىشچى.

ياللانماق

  • ياللانماق[يەشمىسى:] «ياللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ قىيىنچىلىقىدا ئۇ ئاخىرى بىر جۇۋازچىغا ياللىنىپ جۇۋاز ھەيدەپ تۇرمۇش كەچۈرگەن.

ياللانمىلىق

  • ياللانمىلىق[يەشمىسى:] ياللانما ھالەت:[مىسال:] ھەر خىل ئەركىنلىشىش خاھىشلىرىنى، ياللانمىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ۋە پۇلغا قاراش ئىدىيىلىرىنى تۈگىتىش، خىزمەتنى ئاكتىپ ئىشلەيدىغان قىلىش لازىم.

ياللۇغ

  • ياللۇغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئورگانىزم كۈچلۈك غىدىقلانغاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان رېئاكسىيە ھادىسىسى. كۆپىنچە قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش ۋە فۇنكسىيە دەخلىگە ئۇچراشتەك ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ.

ياللۇغلانماق

  • ياللۇغلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ① ئورگانىزم كۈچلۈك غىدىقلانغاندىن كېيىن شۇ جايدا رېئاكسىيە ھادىسىسى كۆرۈلمەك.[يەشمىسى:] ② ئورگانىزمنى مىكرو ئورگانىزملار، پارازىت قۇرت، تاشقى جاراھەت ۋە فىزىكا-خىمىيىلىك ئامىل قاتارلىق ھەر خىل زىيانلىق ئامىللار غىدىقلىغاندا ئورگانىزمنىڭ قىسمەن جايىدا رېئاكسىيە قايتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇداپىئە كۆرۈش خاراكتېرلىك رېئاكسىيە يۈز بەرمەك. بۇنىڭدا، قىسمەن ئورۇندا قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش ۋە فۇنكسىيە توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن بەدەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىپ كېتىش ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ ياندىشىپ كېلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ياللۇغلىنىش قايتما بولىدۇ. ۋاقتىدا داۋالىسا تامامەن ئەسلىگە قايتىدۇ.

ياللىغۇچى

  • ياللىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياللاش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.

ياللىق

  • ياللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يالى بار، يالى كۆپ:[مىسال:] ناھايىتى يوغان ياللىق بىر ئات ھېلىقى كىشىنى تاشلاپ جانبېككە قاراپ چاپچىدى.

ياللىماق

  • ياللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم شەرت بىلەن ھەق بېرىپ ۋاقىتلىق ئىشلەتمەك، ئىشقا سالماق:[مىسال:] مەن يەنە باشقىلارنى ياللاپ ئولتۇرماي، يۈكنى يول يىراقلىقىغا قارىماي تەرلەپ-پىشىپ ئۆزۈم توشۇپ كېلىۋاتىمەن.

يالماتماق

  • يالماتماق[يەشمىسى:] «يالمىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يالماشماق

  • يالماشماق[يەشمىسى:] «يالمىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يالمان

  • يالمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندا ئىشلىتىلىدىغان نەيزىسىمان ئۇرۇش قورالى:[مىسال:] مەمەت، سەمەت ئىككىسى ئىككى يالمان كۆتۈرگىنىچە كېلىپ باتۇرنى ئۆز سېپىگە ئېلىپ كەتتى.

يالمانچى

  • يالمانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالمان بىلەن قوراللانغان ئادەم:[مىسال:] سول تەرەپتىكى ئون ئىككى يالمانچى ئارىسىدا شۇنداق بىر باتۇر سەركەردە تۇراتتى.

يالمانقۇلاق

  • يالمانقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يالمان+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئوتى دورا قىلىنىدۇ، قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

يالمانلىق

  • يالمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يالمىنى بار، يالمان تۇتقان، يالمان بىلەن قوراللانغان:[مىسال:] ھېلىقى كىشى بىرھازا ئەسلىگەندىن كېيىن، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قېلىچ-قالقانلىق، نەيزە-يالمانلىق، نۇرانە چىراي، شاھانە سۈپەتلىك بىر ياش يىگىتنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكى سۆزلەپ بەردى.

يالماۋۇز

  • يالماۋۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەپسانىلەردىكى ھەر خىل قىياپەتكە ئۆزگىرەلەيدىغان ياكى باشقىلارنى سېھرىي كۈچى بىلەن ھەر خىل قىياپەتكە كەلتۈرەلەيدىغان ھەمدە ئالدىغا كەلگەن نەرسىنى يەپ تۈگىتىدىغان مەخلۇق؛ جادۇگەر:[مىسال:] يەتتە باشلىق يالماۋۇز.

يالماۋۇزلارچە

  • يالماۋۇزلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يالماۋۇزلارغا ئوخشاش، يالماۋۇزلاردەك:[مىسال:] بېگىمنىڭ نەپسى تويماپتۇ يەنە، قىستاپتۇ قىزنى قوغلاپ تۇتۇشقا يوپۇرۇلۇپ كەپتۇ چاپارمەنلىرى، يالماۋۇزلارچە قاپساپ تۇتۇشقا.

يالمىماق

  • يالمىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ ۋە يېمەكلىكلەرنى يۆگەپ، پۇرلاپ-پۇرلاپ يۇتماق:[مىسال:] ئىككى-ئۈچ كۈندىن بېرى ئاچ قالغان ئېشەكلەر بېدىنى ئاچ كۆزلۈك بىلەن يالماشقا باشلىدى.

يالۋۇرتماق

  • يالۋۇرتماق[يەشمىسى:] «يالۋۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادەمنى تولا يالۋۇرتماي ماقۇل دېسەڭ بولمامدۇ، دېدى سەمەت سەل خاپا بولغاندەك تەلەپپۇزدا.

يالۋۇرماق

  • يالۋۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنمەك، يېلىنىپ مۇراجىئەت، ئىلتىماس قىلماق:[مىسال:] مەھەممەدجان يا قاتتىق گەپ قىلىشنى يا يالۋۇرۇشنى بىلمەي ئولتۇرۇپلا قالدى.

يالۋۇرۇشماق

  • يالۋۇرۇشماق[يەشمىسى:] «يالۋۇرماق» پېئىلېىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار يالىڭاچ بولغانلىقىدىن ئىزا تارتىپ كۆلدىن چىقالماپتۇ ۋە كىيىملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سوراپ يالۋۇرۇشۇپتۇ.

يالىتىلماق

  • يالىتىلماق[يەشمىسى:] «يالاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھۇجرىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يۇمىلاق ئالا مەرمەر ئۈستەل قويۇلغان، ئۈستەلگە يالىتىلغان زەرلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆچۈپ كەتكەن.

يالىچى

  • يالىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆھمەتچى؛ تۆھمەتخور:[مىسال:] سىز پالچى ئەمەس، يالىچى ئىكەنسىز دېدى ئۇ ئاچچىقلانغاندەك قاشلىرىنى سۈزۈپ.

يالىخور

  • يالىخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا يالا چاپلاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشى، يالىچى، تۆھمەتچى، تۆھمەتخور:[مىسال:] ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن بىر يالىخور.

يالىخورلۇق

  • يالىخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا يالا چاپلاش ئادىتى، تۆھمەتخورلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ يالىخورلۇقى ئاخىرى بېشىغا چىقىدۇ.

يالىڭاچ

  • يالىڭاچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈستىۋېشىغا كىيىم كىيمىگەن، كىيىمسىز:[مىسال:] ياغ يەپ يالىڭاچ يات (ماقال). * ھەممە كىشى ئانىدىن يالىڭاچ تۇغۇلغان (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوپۇرماقسىز، قاقشال:[مىسال:] گۈللەرمۇ شۇ چاغ بولۇپ يالىڭاچ، نومۇسچان قىزدەك ئۇيۇلۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گىياھسىز، گىياھ ئۈنمىگەن:[مىسال:] باشقا باي-غوجىلار يېرى «دەنلىك يەر» دېيىلەر تۆككەچكە ئۆز ئالدىغا باج. قالغان تىڭ يەرلەرنى ئاتايتتى «خام يەر»، تۇراتتى قىش-يېزى جىمجىت، يالىڭاچ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەمبەغەل، يوقسۇل:[مىسال:] بۇ پۇل ئۆز ۋاقتىدا بىزدەكلەرنى بوسۇغىسىغا يولاتمايدىغان، لېكىن بىزدەك يالىڭاچلارنىڭ قان-تەرى بىلەن پۈتكەن ھەشەمەتلىك باي قورۇسىنىڭ پۇلى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوچۇق-ئاشكارا، ئېنىق؛ روشەن:[مىسال:] بۇرژۇئازلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يالىڭاچ ھالدىكى پۇل مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي ھېسسىياتى پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىن، غىلاپلاردىن سۇغۇرۇۋېلىنغان؛ غىلاپقا سېلىنمىغان، ئوراقسىز:[مىسال:] ئىشىك ئېچىلغاندىن كېيىن مەسرۇر بىلەن يىگىرمە كىشى قىلىچلىرىنى يالىڭاچ ھالدا تۇتۇپ كىرىپ، شەمسۇنناھارغا سالام بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇپقۇرۇق، ھېچ نەرسە يوق:[مىسال:] بايقىسام قېلىپتۇ يالىڭاچ ئۆي ئىچى، ھەرقاچان بىر ئوغرى ئالغان دەپتىمەن.

يالىڭاچلاتماق

  • يالىڭاچلاتماق[يەشمىسى:] «يالىڭاچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاپىسى ئارقىلىق بالىنى يالىڭاچلاتتى-دە، تەكشۈرۈشكە كىرىشتى.

يالىڭاچلاشماق

  • يالىڭاچلاشماق[يەشمىسى:] ① «يالىڭاچلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② يالىڭاچ ھالەتكە كەلمەك، يالىڭاچ بولماق.

يالىڭاچلانماق

  • يالىڭاچلانماق[يەشمىسى:] ① «يالىڭاچلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھاشىم ئاللىقاچان يالىڭاچلىنىپ بولغانىدى.[يەشمىسى:] ② «يالىڭاچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كېيىن ئۇنىڭ پات-پات سېزىپ تۇرغىنى يالىڭاچلانغان بەدەنلىرىگە زەھەردەك تاراسلاپ تېگىۋاتقان سىم قامچا بولدى.

يالىڭاچلىماق

  • يالىڭاچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يالىڭاچ ھالەتكە كەلتۈرمەك، يالىڭاچ قىلماق:[مىسال:] بېلىقلار پۈتۈن ھاراقنى قاراقچىلارغا ئىچۈرۈپ، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىپ، كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ يالىڭاچلاپ، بارلىق نەرسىلەرنى كېمىگە سېلىپ مېڭىپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② يوپۇرماق، غازاڭلارنى چۈشۈرۈۋەتمەك:[مىسال:] سوغۇق، ئىزغىرىن شامال سارغايغان يوپۇرماقلارنى ئۈزۈپ چۈشۈرۈپ، دەرەخلەرنى يالىڭاچلىماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ③ قىنىدىن، غىلاپتىن چىقارماق، سۇغۇرماق، ئالماق؛ بوشاتماق:[مىسال:] ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، قارا قۇل قىلىچىنى يالىڭاچلاپ كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ بوش، قۇرۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ بوشاتماق، قۇرۇقدىماق:[مىسال:] ئۇنىڭدىن كېيىن نىياز ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىگە قوللىرىنى تىقىپ، ئەل-جامائەت ئارىسىدا رەسۋا قىلىپ، ئايرىلىدىغان چېغىدا ئۆينى سويغان پىيازدەك يالىڭاچلاپ قويغان مۇتتەھەم خوتۇن — خەلچەملەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى.

يالىلداتماق

  • يالىلداتماق[يەشمىسى:] «يالىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قولىدىكى ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈكىنى تېخىمۇ يالىلداتماقچى بولغاندەك قول ياغلىقى بىلەن توختىماي سۈرتمەكتە ئىدى.

يالىلداشماق

  • يالىلداشماق[يەشمىسى:] «يالىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئايدىڭ كېچە، ئاسمان چېھرىسىدىكى تۈركۈم-تۈركۈم يۇلتۇزلار يالىلدىشاتتى.

يالىلدىماق

  • يالىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «يال-يال» قىلىپ نۇر چاچماق، پارقىرىماق، چاقنىماق، يالتىرىماق:[مىسال:] مەن شەرۋاننىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. ئۇنىڭ ئىپلاسلىقلىرىنى يالىلداپ تۇرغان ئالتۇنلىرى يېپىپ تۇرالمايدۇ.

يالىماقⅠ

  • يالىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئېغىزغا ئالماق؛ تىلىنى تەگكۈزمەك:[مىسال:] تاپان يالىماق. يالاق يالىماق. * كالىلار سۇ ئېچسە، موزايلار مۇز يالايدۇ (ماقال). * قېتىق ئىچكەن قۇتۇلدى، تاۋاق يالىغان تۇتۇلدى (ماقال). * بېخىل سىقىمىنىڭ ئىچىنى ئايايدۇ، تېشىنى يالايدۇ (ماقال). * تىلىڭ كۆيسە تۇز يالا، ئىچىڭ كۆيسە مۇز (ماقال).[يەشمىسى:] ② تېگىپ، ئۇرۇلۇپ تەسىر قىلماق، سىيپىماق (ئىسسىق-سوغۇق ۋە شامال ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزلىرىنى شامال يالاپ سىلىقدىۋەتكەندەك كۆرۈنەتتى.[يەشمىسى:] ③ ئاققۇزماق، يۇماق (سۇ ھەققىدە):[مىسال:] دەريا تېرىلغۇ يەرنىڭ يېرىمىنى يالاپ چېقىپ بولدى. يەر ۋەيران بولۇپ تۈگىسە، ئاسماندا تېرىقچىلىق قىلامدۇق[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غاجىلىماق، ئاغرىتماق (ئاياغ كىيىم ھەققىدە):[مىسال:] ئاياغ پۇتۇمنى يالاپ كەتتى.

يالىماقⅡ(يا: لىماق)

  • يالىماقⅡ(يا: لىماق)[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارىغا ئېلىپ كۆزىتىپ بىللە ماڭماق:[مىسال:] مەلۇم بىر يۇرت باشلىقى چېگرىدا مەجبۇرىيەت ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر جىنايەتچى راھىبنى يالاپ ئېلىپ چىقىپتۇ.

يال-يال

  • يال-يال[يەشمىسى:] «يال» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

يام

  • يام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوڭ تەشتەك.

ياماپ-تۆشەپ

  • ياماپ-تۆشەپ[يەشمىسى:] «ياماپ-تۆمەپ»كە قاراڭ.

ياماپ-تۆمەپ

  • ياماپ-تۆمەپ[يەشمىسى:] ① ياماپ، ياماشتۇرۇپ:[مىسال:] بالىلارنىڭ كىيىمىنى ياماپ-تۆمەپ يۈرۈپ ئاران قىشتىن ئۆتىۋالدۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوڭشاپ:[مىسال:] ئۇنىڭ ماقالىسىنى ياماپ-تۆشەپ يۈرۈپ ئاران ئېلان قىلغۇزدۇق.

ياماتماق

  • ياماتماق[يەشمىسى:] «يامىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ جاي چوڭ يولغا يېقىن بولغىنى ئۈچۈن ئۆتكەن-كەچكەن كىشىلەر ياماقچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يىرتىلغان ئۆتۈك، ئاياغلىرىنى يامىتىدىكەن.

ياماشتۇرماق

  • ياماشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياماش، يۆمەش، تىكىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماق؛ يامىماق:[مىسال:] ئۇ كىيىملەرنى ياماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى.

ياماشتۇرۇشماق

  • ياماشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ياماشتۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياماشماقⅠ

  • ياماشماقⅠ[يەشمىسى:] «يامىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كۈنى مەھبۇسلار كىيىملىرىنىڭ يىرتىلغان يەرلىرىنى يامىشىپ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئېلىشىپ، ئاز-تولا تازىلىق قىلىشىۋالدى.

ياماشماقⅡ(يا:ماشماق)

  • ياماشماقⅡ(يا:ماشماق)[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە ئېسىلىپ يۇقىرى ئۆرلىمەك، چىقماق:[مىسال:] ماشنىغا ياماشماق. تاغقا ياماشماق. * ئۇ جاقىلدىغان ھالدا قىرغاقتىكى مۇزغا يامىشاتتى، ئەمما چىقالمايتتى.[يەشمىسى:] ② ئېسىلماق، يېپىشماق:[مىسال:] ئاغزىمدىن چىقتى، ساقىلىمغا ياماشتى (ماقال).[يەشمىسى:] ③ پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق؛ ئەگىمەك، قاپلىماق، كۆرۈنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋازى غەزەپلەنگەنلىكتىنمۇ ياكى يىغا ياماشقانلىقتىنمۇ غەلىتە تىترەپ چىقتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىقىشقا تىرىشماق، ئۇرۇنماق، تەلپۈنمەك:[مىسال:] ئاداش، خاتىرجەم بول، مەن بۇنداق پەسكەش يول بىلەن يۇقىرىغا ياماشمىساممۇ، ھازىرقى ئورنۇم يېتىپ ئاشىدۇ، دېدىم تۇرسۇنغا زەردە بىلەن. * ئامىنە، مەن سىزنىڭ دادىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ پۈتۈن ئۆمرى يۇقىرىغا يامىشىش بىلەن ئۆتكەن ئادەم، ئۇ ئۆزىنىلا ئويلايدۇ.

ياماق

  • ياماق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ يىرتىلغان، تېشىلگەن ياكى ئۈزۈلگەن جايىنى ياماش، پۈتۈنلەش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇيۇم، لاتا:[مىسال:] ياماق سالماق. * ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق سال (ماقال). * ئۈستىدىكى ياماق سېلىنغان شىمىنى ۋە شورلىشىپ كەتكەن بەتىنكىسىگە قاراپ ئۇنى مەلۇماتلىق بىر زىيالىي دېيىشكە بولاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياماشقا تېگىشلىك بولغان، يامىمىسا بولما[يەشمىسى:] يدىغان جاي:[مىسال:] بۇ يۇرتتا ھېچكىم باشقىلارغا ياماق ياماتمايدۇ، شۇنداقلا ھېچكىم باشقىلارنىڭ يامىقىنىمۇ يامىمايدىغان ئادەت بار ئىكەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياماق سېلىنغان، يامالغان، تىكىلگەن:[مىسال:] قوشماق ئاكا ئۆز ئۈستىدىكى ياماق يوتقاننى سوغۇقتىن لاغىلداپ تىترەۋاتقان كەنجى ئوغلى قاسىمنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى.

ياماقچە

  • ياماقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ياماق:[مىسال:] بىر كونا چېلەككە سېلىپ ياماقچە، دېدى ئۇ: كاساپەت تېشىلىپ قاپتۇ.

ياماقچى

  • ياماقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىرتىلغان ھەر خىل ئاياغ كىيىملەرنى ياماش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى:[مىسال:] پادىشاھنىڭ ياساۋۇل-قاراۋۇللىرى بىر كوچىغا كەلسە، ھېلىقى ياماقچى ياماقچىلىق قىلىپ ئولتۇرغۇدەك.

ياماقچىلىق

  • ياماقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياماق ياماش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئەھمەدجان بەش يېشىدىن باشلاپ دادىسىغا ئەگىشىپ ياماقچىلىق دۇكىنىغا بارىدىغان، دادىسىغا ياردەملىشىپ يىپ ئېشىپ، يىپ مومدايدىغان بولدى.

ياماقلىق

  • ياماقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياماق سېلىنغان، يامالغان، تىكىلگەن:[مىسال:] ياماقلىق كىيىم. ياماقلىق كۆرپە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىرتىلغان، تېشىلگەن، ئۈزۈلگەن يەرنى ياماشتا ئىشلىتىلگەن بۇيۇم:[مىسال:] ئۇ دۆۋىلەكلىك تۇرغان پۇرۇچلار ئىچىدىن ياماقلىق ئىزدىگىلى تۇردى.

يامالماق

  • يامالماق[يەشمىسى:] «يامىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چېكىلەپ چىگىلگەن سېرىق ياغلىقى رەڭگىنى يوقىتىپ ئاقىراي دەپتۇ. ئۈستىدە يامالغان بىر باسما كۆڭلەك، ئۇنىڭمۇ رەڭگىنى كۈن نۇرى يەپتۇ.

ياماق-چۈمەك

  • ياماق-چۈمەك[يەشمىسى:] ياماش، تىكىش قاتارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر:[مىسال:] بۇ ئىككى ئايال توختى ئىسىملىك كىشىنىڭ ئايالى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۈچ ئوغۇل بىلەن قېلىپ قالغانلىقىنى بىر يېرىم يىلدىن بۇيان تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ياماق-چۈمەك قىلىشتا بەكمۇ قىينالغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىچە ھېسداشلىق قىلىشتى.

يامان

  • يامان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ياخشى» نىڭ ئەكسى، ئەسكى، ئوسال، ناچار:[مىسال:] يامان ئادەت. يامان غەرەز. * يامان ياماندىن قورقار، كەتمەن ساماندىن (ماقال). * بارچە ياخشى، مەن يامان، بارچە بۇغداي مەن سامان (ماقال). * يۈز دوستتىن بىر دۈشمەن يامان (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتتىق، كۈچلۈك:[مىسال:] ئۇنىڭ دادىسى ئاچچىقى يامان ئادەم ئىدى. * قارىسام ھېچ كۆرۈنمەيدۇ سەمەندىن قوغان، ئەجەب قاتتىق يامان ئىكەن ياردىن ئايرىلغان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاراب، ناچار، ئېچىنىشلىق:[مىسال:] لەنىتى زۇلمەت زامان، يوقسۇلنىڭ ھالى يامان، بولغۇسى ئاخىر يورۇقلۇق، يۇرت پاراۋان، ئەل ئامان.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىيىنى بار، زىيانلىق، قورقۇنچلۇق، خەتەرلىك:[مىسال:] تاغنىڭ ھاۋاسى شۇنداق بولىدۇ، شامال كۈنچىقىشتىن ئۇرۇپ تۇرغاندا، ھاۋادا قارا بۇلۇت بولسىمۇ قورقما، ئېچىلىپ كېتىدۇ. شامال بولمىسا، بۇنىسى يامان.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەلبىي تەرەپ:[مىسال:] يۈسۈپبېك ھاجى بولسا ئوغلىنىڭ بۇ سۇسلۇققا ئوخشاش كۆرۈنگەن ھالىنى يامانغا ئۆرىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاساسى بولمىغان، قۇرۇق؛ يارىماس، رەزىل، بولمىغۇر:[مىسال:] ئەي شاھزادە، بۈگۈن يەتتە كۈن بولدى، ھەر كۈنى بىر ۋەزىر ئالدىڭىزغا كېلىپ، ئاياللار خۇسۇسىدا يامان ھېكايە قىلىشىدۇ، دەپتۇ شاتۇتى شاھزادىگە.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى، ئىنتايىن، بەك:[مىسال:] ھاۋا يامان ئىسسىق ئىدى.

يامانلاتماق

  • يامانلاتماق[يەشمىسى:] «يامانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يامانلاشتۇرماق

  • يامانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «يامانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بەختى ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن رومكىلار ئۇنىڭ كەيپىنى ياخشىلاش ئورنىغا تەتۈرىسىچە يامانلاشتۇرۇۋەتتى.

يامانلاشماق

  • يامانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىيىنلاشماق، مۈشكۈللەشمەك، تەسلەشمەك:[مىسال:] ئىنچىكىلەپ سوراشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭ بىلەن ئەھۋال يامانلىشىپ كەتمەيدۇ.[يەشمىسى:] ② خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق، ئېغىرلاشماق (كېسەللىك ھەققىدە):[مىسال:] بالىنىڭ ھالى بارغانسېرى يامانلاشتى، كۆز قارىچۇقى ئارقىغا تارتىلىپ، بېشى قاتىيىپ قېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ بۇزۇلماق، ئوساللاشماق:[مىسال:] كۈنلەر ۋە ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خانئايىمنىڭ نىيىتى بارغانسېرى يامانلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ سوغۇقچىلىق پەيدا بولماق، ئارازلىشىپ قالماق، زىتلاشماق، يىرىكلەشمەك (كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت ھەققىدە):[مىسال:] ئەكبەر بىلەن مەنسۇرنىڭ قىزىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشقان بىلەن مەنسۇرنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشمىدى.

يامانلاق

  • يامانلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ ئېرىدىن ئاغرىنىپ ياكى خاپا بولۇپ قېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىشى:[مىسال:] ئىلھامنىڭ ئايالى ھازىرغىچە يامانلاقتا.

يامانلاقلىق

  • يامانلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ ئېرىدىن يامانلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋېلىشى:[مىسال:] ئايالىڭ ھازىرغىچە يامانلاقلىقمۇ

يامانلىق

  • يامانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باشقىلارغا زىيان سېلىش، باشقىلارنى ئۇۋال قىلىش ئىشى، ھەرىكىتى:[مىسال:] يامانلىق قىلماق. * ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر (ماقال). * خەلق كۆزىگە ياخشىلىق بىلەن كۆرۈنگىن، يامانلىق بىلەن كۆرۈنۈشتىن ساقلان. ھېچقاچان بۇغداي كۆرسىتىپ، ئارپا ساتما.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شوخلۇق:[مىسال:] قارا، ئۇ بالىنىڭ يامانلىقىنى.

يامانلىقچە

  • يامانلىقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرەر كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ، يامانلىق، ئەسكىلىك بىلەن، تىنچسىز:[مىسال:] ئىشنى ياخشىلىقچە ھەل قىلىش كېرەكمۇ ياكى يامانلىقچە ھەل قىلىش كېرەكمۇ

يامانلىماق

  • يامانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشقىلارغا بىراۋنى قارىلاپ، يامانغا چىقىرىپ گەپ قىلماق، چېقىشتۇرماق؛ يامان گېپىنى قىلماق:[مىسال:] كىمدۇر بىرى نېمە مەقسەت بىلەنكىن تاڭ، گۈلزارنىڭ ئاتىسىغا پازىلنى يامانلاپ بەردى.[يەشمىسى:] ② خاپا بولماق، ئاغرىنماق، رەنجىمەك، باتنىماق:[مىسال:] دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى (ماقال).

يامبۇ

  • يامبۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ كونا زاماندىكى پۇلىنىڭ بىر خىلى. ئالتۇن، كۈمۈشتىن قۇيۇلغان بولۇپ، شەكلى ئات تۇيىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تاڭ ۋە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە كۆپرەك قۇيۇلغان.

يامبۇلۇق

  • يامبۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يامبۇسى بار، يامبۇسى كۆپ:[مىسال:] يامبۇلۇق ئادەم. يامبۇلۇق ئائىلە.[يەشمىسى:] ② يامبۇغا يارايدىغان، يامبۇغا ئالىدىغان:[مىسال:] ئون يامبۇلۇق ئات. بىر يامبۇلۇق گەپ قىلماق.

يامچاق

  • يامچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈل ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىرلىق ياكى يۇمىلاق قىلىپ ياسالغان، تېگىدە نەم ئۆتكۈزۈش تۆشۈكى بار ساپال قاچا، تەشتەك:[مىسال:] مەن كۈلۈپ ئېچىلغان بىر تال قىزىلگۈل، يىلتىزىم ئورناشقان ئانا تۇپراققا. ئۇنىڭسىز ئېچىلىپ چاچماسمەن پۇراق، كۆچۈرسە ھەتتاكى ئالتۇن يامچاققا.

يامداق

  • يامداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① چوڭ سۈپۈرگە. [يەشمىسى:] ② سۈپۈرگىگە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك.

يامدىماق

  • يامدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يامداق بىلەن سۈپۈرمەك.

يامراتماق

  • يامراتماق[يەشمىسى:] «يامرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاشۇ پەرياد يامرىتىدۇ ياش، غۇنچە بويلۇق رەنا كۆزىدىن. ئاشۇ پەرياد يامرىتىدۇ ياش، ئاڭا غەمخور ئانا كۆزىدىن.

يامراشماق

  • يامراشماق[يەشمىسى:] «يامرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يامرىماق

  • يامرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تارىماق، يېيىلماق، كېڭەيمەك؛ تارقالماق:[مىسال:] سۇ يامرىماق. تەبەسسۇم يامرىماق. * ئۇ يۈزىنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقىنى، بۇ كۆيۈشنىڭ ئاستا-ئاستا پۈتۈن بەدىنىگە يامراۋاتقانىلىقىنى سېزىپ تۇراتتى.

يامزال

  • يامزال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ، يار قاتارلىقلارنىڭ باغرى، يانتۇلۇق:[مىسال:] ئۇ ھازىر تارىخ قەھرىمانلىرى پەرھاد بىلەن شېرىن ۋاپادارلىق يولىدا قۇربان بولغان مۇقەددەس تاغنىڭ يامزىلىدا تۇراتتى.

يامغۇر

  • يامغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] بۇلۇتتىن چۈشكەن سۇ تامچىسى. بۇلۇتتىكى سۇ تامچىلىرى يىغىلىپ ھاۋادا لەيلەپ يۈرەلەيدىغان ھالەتكە كەلگەندە يەرگە چۈشىدۇ. بۇ يامغۇر بولىدۇ.

يامغۇرسىراشماق

  • يامغۇرسىراشماق[يەشمىسى:] «يامغۇرسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يامغۇرسىرىماق

  • يامغۇرسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يامغۇرغا تەشنا بولماق:[مىسال:] چۆلدىكى يامغۇر بىلەن كۆكىرىدىغان بۇ دەرەخلەر بەكمۇ يامغۇرسىراپ كەتكەنىدى.

يامغۇرلۇق

  • يامغۇرلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يامغۇر ياغقان ياكى يېغىۋاتقان:[مىسال:] يامغۇرلۇق كېچە. يامغۇرلۇق كوچا. * يامغۇرلۇق بوران شۇنداق قۇتراپ كەتتىكى، غەزەپ بىلەن ھۆركىرەپ ئاپتوموبىلنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغاندەك لىڭشىتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆل-يېغىندا كىيىدىغان كىيىم:[مىسال:] ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلىپ يامغۇرلۇققا ئورانغان بىر ئادەم كىرىپ كەلدى. ∥ يامغۇرلۇق چاپان.

يامغۇر-يېشىن

  • يامغۇر-يېشىن[يەشمىسى:] يامغۇر قاتارلىق ئاسماندىن چۈشۈپ سۇ ھاسىل قىلىدىغان تەبىئىي نەملىك:[مىسال:] كەچ كۈزنىڭ بىركۈنى چۈشتىن كېيىن، سائەت ئۈچ مەزگىلى، يامغۇر-يېشىن بولمىسىمۇ، كۈزنىڭ شامىلى بەدەننى شۈركەندۈرىدىغان دەرىجىدە سوغۇق ئىدى.

يامغۇر-يېشىنلىق

  • يامغۇر-يېشىنلىق[يەشمىسى:] يامغۇر-يېشىن ياغقان، يامغۇر-يېشىن يېغىۋاتقان:[مىسال:] يامغۇر-يېشىنلىق يىللىرى ئاشلىق مول بولىدۇ، يامغۇر-يېشىن ئاز ياغقان يىللىرى ھوسۇل كەم بولىدۇ.

يامۇل

  • يامۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خانلىق دەۋرىدىكى ناھىيە، ۋىلايەت ئۆلكە دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورگىنى:[مىسال:] يامۇل بېگى. * ئەنە شۇنداق پۈتمەس-تۈگىمەس خىياللار بىلەن كېچىچە پىيادە يۈرۈپ، چاي ۋاقتى بىلەن دوتەي يامۇلىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم.

يامۇل بېگى

  • يامۇل بېگى [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] يامۇلنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىم:[مىسال:] ئۆيدىن يامۇل بېگى چىقىپ كەلدى.

يامىماق

  • يامىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ يىرتىلغان، تېشىلگەن يېرىنى تۈزىمەك، پۈتۈنلىمەك؛ ئۇلىماق، تىكمەك:[مىسال:] كىيىم يامىماق. ئاياغ يامىماق. * پەشنى كېسىپ، يەڭنى ياماپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ ئىچكى توقۇلمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، بەدەن ئىچىدىكى ئاقسىل ماددىسى ئارقىلىق توقۇلماق.

يامىنى

  • يامىنى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «ئەڭ قىيىنى، مۈشكۈلى، تەسى، چاتىقى» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ:[مىسال:] يامىنى كەلسە بۇ ئىشتىن ۋاز كېچەرمەن. * يامىنى بولسا كۆرەرمىز.

يان

  • يان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بەدەننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرى ياكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا نىسبەتەن ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرى:[مىسال:] بىر يېنىم ئاغرىۋاتىدۇ. * ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىغا ساقچى قويدى.[يەشمىسى:] ② بىركىمنىڭ ھۇزۇرى، قېشى، ئالدى:[مىسال:] ئىت يېنىدا سۆڭەك ياتماس، سۆڭەك ياتسا، بىكار ياتماس (ماقال). * ياندىكى موللام-بار موللام، يىراقتىكى موللام داموللام(ماقال) [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يانچۇق، چۆنتەك:[مىسال:] ئۇ ئىمزا قويۇش ئۈچۈن قەلەم ئىزدەپ يانلىرىنى سىلىدى.

يېنى بوش

  • يېنى بوش[يەشمىسى:] يانچۇقى قۇرۇق، پۇلسىز، كەمبەغەل:[مىسال:] ئۇ بەزىدە يېنى بوش بولغىنى ئۈچۈن قاۋاقخانىغا كىرەلمەيتتى-دە، ئۇدۇلدىكى دوڭغاق تېرەككە يۆلىنىپ لىرانىڭ دىدارىغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى.

يېنى توم

  • يېنى توم[يەشمىسى:] «يېنى چىڭ»غا قاراڭ:[مىسال:] نادىرخان «باي» بولۇپ كېلىشكە كەتكەندىن بېرى، بازار بېگىلىك مەنسىپىنى قولىغا ئالغان خاتىپنىڭ ھازىر يېنى خېلىلا توم ئىدى.

يېنى چىڭ

  • يېنى چىڭ[يەشمىسى:] پۇلى كۆپ، باي:[مىسال:] ئۇلارنىڭ يېنى چىڭ، يەنە كېلىپ جانلىق ئىش ھەققى ئالىدىكەن، دېدى پاتەمخان ئامىنىخانغا.

يېنىنى توملىماق

  • يېنىنى توملىماق[يەشمىسى:] باي بولماق، يېنىنى چىڭدىماق:[مىسال:] تېزرەك يېنىمىزنى توملاپ، بالىمىزنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قوياي.

يانار

  • يانار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يانىدىغان، يېنىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] يانار تاغ.[مىسال:] يانار تاغ[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر شارى ئۈستۈنكى قاتلاملىرىدىكى بېسىم ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسىملىرىدىكى ماگما قاتارلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ماددىلار يېرىقلاردىن يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ شەكىللەنگەن كونۇس شەكىللىك ئېگىز تاغ.

يانباغ

  • يانباغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يان+باغ[[يەشمىسى:] قوشقۇننى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن دۈمبىلىككە ئۇلىنىدىغان ئىككى تال يان تاسما.

يانباغىر

  • يانباغىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يان+باغىر[[يەشمىسى:] تاغ ياكى ئېگىزلىكلەرنىڭ قاپتىلى، ئېتىكى:[مىسال:] ئۇلار تاغنىڭ يانباغرىدىكى چېغىر يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

يانباغىرلىماق

  • يانباغىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاغ ياكى ئېگىزلىكلەرنىڭ قاپتىلىنى، بويلاپ ئىلگىرىلىمەك، ماڭماق:[مىسال:] بىز يانباغىرلاپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدۇق.

يانپاش

  • يانپاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] داس سۆڭىكىنى تەشكىل قىلىدىغان چوڭ سۆڭەك. ئوڭ ۋە سول تەرەپتە بىردىن بولىدۇ. شەكلى تەرتىپسىز. ئادەتتە ئۇ يانپاش كىچىك سۆڭىكى، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك ۋە دوۋسۇن سۆڭىكىدىن تەركىب تاپىدۇ.

يانپاشقا ئالماق

  • يانپاشقا ئالماق[يەشمىسى:] ① مىللىيچە چېلىش ھەرىكىتىدە قارشى تەرەپنى يىقىتىش ئۈچۈن يانپاشقا تارتماق:[مىسال:] ھېكىم سەمەتنى يانپاشقا ئېلىپ ئېتىۋىدى، سەمەت بىر ھازاغىچە ئورنىدىن تۇرالماي قالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىپ زەربە بەرمەك:[مىسال:] ئۇنىڭغا مېنى يانپاشقا ئالىدىغان پەيت تازا كەلگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى.

يانپاشقا چىقماق

  • يانپاشقا چىقماق[يەشمىسى:] ئاجىز يېرىدىن تۇتۇلماق:[مىسال:] مەن كېيىنچە پۇشايمان قىلدىم، رەقىبنىڭ يانپېشىغا چىقىپ بەرگىنىمنى چۈشەندىم، ئۇ ئەمدى مېنىڭ بۇ خاتالىقىمدىن پايدىلىنىدۇ.

يانپاشلاتماق

  • يانپاشلاتماق[يەشمىسى:] «يانپاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يانپاشلاشماق

  • يانپاشلاشماق[يەشمىسى:] «يانپاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] جەڭنىڭ غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشلار خېلى ئۇزۇن داۋام قىلغاندىن كېيىن، رەھمەتجاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەممەيلەن گۈلخاننى چۆرىدەپ يانپاشلاشتى.

يانپاشلانماق

  • يانپاشلانماق[يەشمىسى:] «يانپاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سادىقنىڭ تۈرمىدىشى جەينىكى بىلەن يەرنى تىرەپ يانپاشلىنىپ ياتتى.

يانپاشلىماق

  • يانپاشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر تەرەپكە قىڭغىيىپ ياتماق، بىر يېنىنى يەرگە قويۇپ ياتماق:[مىسال:] كېۋىر جەينىكىنى يەرگە تىرەپ بېشىنى ئالىقىنىغا قويۇپ يانپاشلاپ ياتاتتى.

يانپاي

  • يانپاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يانتۇلۇق.

يانپەن

  • يانپەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يان+پەن[[يەشمىسى:] ھارۋىنىڭ ھارۋىكەش ئولتۇرىدىغان تاختىيى.

يانپۇچاق

  • يانپۇچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغاچ تېشىدىغان سايمان.Ⅸ机?تۈرى: اائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. شاخلىرىدا ئۇزۇن تىكەنلىرى بولىدۇ. بۇ تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ.

يانتاقچى

  • يانتاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاڭگال ۋە تاغۇتاشلاردىن يانتاق ئەكىلىپ، ئۇنى سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى.

يانتاقشېكىرى

  • يانتاقشېكىرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يانتاق+شېكەر+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ياز كۈنلىرى يانتاق شاخلىرىدىن ئاجرىلىپ چىققان سارغۇچ ئاق رەڭلىك شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ قېتىشىشىدىن ھاسىل بولغان شېكەر ماددىسى. تەمى تاتلىق بولۇپ، تېبابەتچىلىكتە سوغۇقلۇق دورىسى قىلىنىدۇ.

يانتاقلىق

  • يانتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يانتاق ئۆسكەن، يانتاق بىلەن قاپلانغان يەر:[مىسال:] قويلار غەزەپكە كېلىپ، چوڭ ھايۋانلارغا قارشى جەڭگە ئۆتۈشكە تەييارلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە كېتىپتۇ. تۈلكە. غىپپىدە يانتاقلىققا سەكرەپ، قەدىمىنى چوڭ-چوڭ يۆتكەپ، بىر قېچىرنىڭ يېنىغا كەپتۇ.

يانتاياق

  • يانتاياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يان+تاياق[[يەشمىسى:] ① تايىنىپ ماڭىدىغان تاياق:[مىسال:] بىرىنىڭ كىيگىنى مېنىڭدەك جۇل-جۇل، بىرىنىڭ قولىدا بىر جۈپ يانتاياق. نەۋرىسى يېتىلەپ كېلەر ئەمانى، بىرىنىڭ قولىدا ئەرز بىر بولاق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تايانچ، ياردەملەشكۈچى، ياردەمچى:[مىسال:] يانتاياق بولماق.

يانتاياقلىق

  • يانتاياقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يانتاياق ئورنىدا؛ يۆلەنچۈكلۈك:[مىسال:] يانتاياقلىق رول ئوينىماق.

يانتايتماق

  • يانتايتماق[يەشمىسى:] «يانتايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يانتايماق

  • يانتايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يانتۇلاشماق، قىڭغايماق؛ قىيسايماق:[مىسال:] ھويلىنىڭ تېمى يانتىيىپ قاپتۇ.

يانتوقا

  • يانتوقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يان+توقا[[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمىنىڭ ئاياغنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يان تەرەپتىكى توقىسى.

يانتوقىلىق

  • يانتوقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ياندا چېكى بار، بوغۇزىغا ئىككى يۆگەم تاسما بېكىتىلىدىغان ئايالچە ئۆتۈك.

يانتۇ

  • يانتۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكشىلىك ياكى تۈز سىزىققا پاراللېل ياكى تىك بولمىغان، قىڭغىر، سىڭاريان، قىيسىق، قىيپاش:[مىسال:] يانتۇ پاراللېل. ئالتە ياقلىق يانتۇ تەرەپ. يانتۇ تەكشىلىك.

يانتۇق

  • يانتۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بېشى قىيسىق بالا.

يانتۇلاشماق

  • يانتۇلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يانتۇ ھالەتكە كەلمەك، يانتۇ بولماق، قىيسايماق، قىڭغايماق:[مىسال:] تۆپىلىك بارغانچە يانتۇلىشىپ ئېگىزلىمەكتە، ئارىلىق قىسقارماقتا.

يانتۇلۇق

  • يانتۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يانتۇ ھالەت، يانتۇ كۆرۈنۈش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر تۈز سىزىقنىڭ گورىزونتال سىزىق بىلەن ئۆزئارا كېسىشكەندىكى قىيسىقلىق دەرىجىسى. ئۇ كېسىشىش بۇلۇڭىنىڭ تانگېنىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] يانتۇ تەكشىلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىلەن ئاخىرلىشىش نۇقتىسىنىڭ ئېگىزلىك پەرقىنىڭ شۇ نۇقتىلارنىڭ گورىزونتال ئارىلىقىغا بولغان نىسبىتى.

يانتىيىشماق

  • يانتىيىشماق[يەشمىسى:] «يانتايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يانجىتماق

  • يانجىتماق[يەشمىسى:] «يانجىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ چۈشكىچە بۇغدايلارنى يانجىتتى.

يانجىشماق

  • يانجىشماق[يەشمىسى:] «يانجىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قوناقنى يانجىشىپ بولغاندىن كېيىن قايتىشتى.

يانجىلماق

  • يانجىلماق[يەشمىسى:] «يانجىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ كىرسىز سەبىي قەلبى بىمەھەل يانجىلدى.

يانجىماق

  • يانجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەزمەك، مىجىماق، ئۇۋاقلىماق:[مىسال:] تۈمەن بويىدىكى جەڭدە قاۋۇل تۆمۈرچى ئۇنى ئاتتىن سۆرەپ چۈشۈرۈپ، چويۇن توقماق بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى يانجىپ تاشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوقاتماق:[مىسال:] ئەگەر تەتۈر يول تۇتساڭ يانجىپ تاشلايمىز.

يانچە

  • يانچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يېنىنى قىلىپ، يېنىنى قىلغان ھالدا، يانتۇ:[مىسال:] يانچە قارىماق. * رىشىت قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى. ئۇ بوينىدىكى تىڭشىغۇچنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئورۇندۇقتا يانچە ئولتۇردى-دە، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

يانچە-قىرىچە

  • يانچە-قىرىچە[يەشمىسى:] «يانچە-قىرىچە تەگمەك»كە قاراڭ.

يانچە-قىرىچە تەگمەك

  • يانچە-قىرىچە تەگمەك[يەشمىسى:] قاتتىق، قوپال گەپ قىلماق؛ يىرىك مۇئامىلىدە بولماق، سوغۇق پوزىتسىيە تۇتماق:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن خاڭدىكىلەر نەپرەت كۆزلىرىدە ماڭا نەشتەردەك قادىلىدىغان، جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتكۈدەك قىلىپ، ماڭا يانچە-قىرىچە تېگىدىغان بولۇپ قېلىشتى.

يانچۇق

  • يانچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] كىيىمنىڭ مۇھىم يەڭگىل نەرسىلەرنى سېلىپ يۈرۈش ئۈچۈن سىرتىغا ياكى ئىچىگە تىكىلگەن خالتا؛ چۆنتەك:[مىسال:] يانچۇققا سالماق. يانچۇق تىكمەك. * نامراتنىڭ نېنى يانچۇقىدا (ماقال).

يانچۇقىغا سالماق

  • يانچۇقىغا سالماق[يەشمىسى:] خىيانەت قىلماق:[مىسال:] ساقچى باشلىقى بۇ پۇلنى ئۆز يانچۇقىغا سېلىۋالدى.

يانچۇقچى

  • يانچۇقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ يانچۇقىدىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلايدىغان ئادەم، ئوغرى:[مىسال:] ئوغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى (ماقال). * بىركۈنى ئەپەندىم شەھەر ھاكىمىنىڭ قېشىغا بىر ئىش بىلەن كېلىپ تۇرۇشىغا كىشىلەر بىر يانچۇقچىنى تۇتۇپ كىرىپتۇ.

يانچۇقچىلىق

  • يانچۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ياقچۇقىدىكى نەرسىلەرنى ئوغرىۋالىدىغان قىلىق، ھەرىكەت:[مىسال:] ئۇ كىشىلىك تۇرمۇش يولىدىكى نۇرغۇن قېتىملىق، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇشلاردىن كېيىن، يانچۇقچىلىق ھاياتىدىن ئاستا-ئاستا يىرگىنىشكە باشلىدى.

يانچۇقلۇق

  • يانچۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يانچۇقى بار، يانچۇق ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ ئۈچ يانچۇقلۇق كۆك سارجا چاپان كىيىۋالغانىدى.[يەشمىسى:] ② يانچۇق تىكىشكە بولىدىغان، يانچۇققا باب، يانچۇق تىكسە يېتىدىغان:[مىسال:] يانچۇقلۇق رەخت.

يانچى

  • يانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] فېئوداللىق تۈزۈم شارائىتىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد يەرگە باغلىنىپ قالغان، يانچىدارلارغا جىسمانىي جەھەتتىن بېقىنىدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە ئېزىشىگە ئۇچرايدىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى. ئۇلار قۇللاردىن پەرقلىنىدۇ.

يانچىدار

  • يانچىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] يەر ئىگىلىگەن، يەرگە باغلانغان يانچىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان فېئودال پومېشچىك.

يانداتماق

  • يانداتماق[يەشمىسى:] «ياندىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يانداش

  • يانداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يانمۇيان تۇرغان، يانمۇيان ئورناشقان:[مىسال:] ئۇ تۇرغان ئۆي چارباغقا يانداش بولۇپ، ئۇنىڭ بىر دېرىزىسى شۇ باغقا ئېچىلىدىكەن.

يانداش ئامبال

  • يانداش ئامبال[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئەمەل نامى. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مىنستىرلىرىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى كۆزدە تۇتۇلاتتى، ئۇنىڭ ئورنى دىۋانبېگىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى.

يانداش قۇربېشى

  • يانداش قۇربېشى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئەمەل نامى. ئورنى قۇربېشىدىن (مىڭبېشىدىن) بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ.

يانداشتۇرماق

  • يانداشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «يانداشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار توپتوغرا مەخسۇتباينىڭ قورۇسىغا كىرىپ، دەرۋازىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان لاپاس ئاستىدىكى يازلىق ئوقۇرلارغا ئاتلارنى باغلاپ جايلاشتۇردى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل نەرسىنى قاتار قويۇش ئارقىلىق 3-بىر خىل مەنىنى بىلدۈرمەك.

يانداشماق

  • يانداشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يانمۇيان ماڭماق، يېقىنلاپ ماڭماق:[مىسال:] ياندىشىپ تۇرماق. ياندىشىپ كەلمەك. * ياخشىغا يانداش، ياماندىن قاچ (ماقال).

يانداق

  • يانداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھارۋىغا يانداپ قوشۇلىدىغان ئۇلاغ:[مىسال:] ئىچ ئات تارتسا، يانداق تارتماپتۇ، ئايغىر تارتسا، بايتال تارتماپتۇ (ماقال).

يانداقچى

  • يانداقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلار نېمە ئىشقا بۇيرۇسا شۇنى قىلىدىغان كىشى؛ يالاقچى، غالچا:[مىسال:] ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى سەزگەن بايۋەچچە «قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرۈر» دېگەندەك جامائەتكە ھۆركىرىگەندىن كېيىن، يانداقچىلىرىغا «تەييار بولۇش» دېگەن مەنىدە قاراپ قويدى.

يانداقچىلىق

  • يانداقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا يانداقچى بولۇپ ئىشلەش، كۈن كەچۈرۈش:[مىسال:] يانداقچىلىق قىلماق.

ياندالماق

  • ياندالماق[يەشمىسى:] «ياندىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ياندۇرقى

  • ياندۇرقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋاقىت جەھەتتىن ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى كۈننىڭ ئالدىدىكى.

ياندۇرماقⅠ

  • ياندۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «يانماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رايىنى ياندۇرماق. نىيىتىدىن ياندۇرماق.

ياندۇرماقⅡ

  • ياندۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «يانماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوت ياندۇرماق. سەرەڭگە ياندۇرماق.

ياندۇرمىلاتماق

  • ياندۇرمىلاتماق[يەشمىسى:] «ياندۇرمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ياندۇرمىلاشماق

  • ياندۇرمىلاشماق[يەشمىسى:] «ياندۇرمىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ياندۇرمىلانماق

  • ياندۇرمىلانماق[يەشمىسى:] «ياندۇرمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ياندۇرمىلىماق

  • ياندۇرمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەكرارلىماق، قايتىلىماق، يېنىشلىماق:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ بۇ گەپنى بىرنەچچە قېتىم ياندۇرمىلاپ ئېيتقىنىمغا تېرىككەندەك بولدى-دە، قىزىشىپ سۆزلەشكە باشلىدى.

ياندۇرۇشماقⅠ

  • ياندۇرۇشماقⅠ[يەشمىسى:] «ياندۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار توز بىلەن غاز كېيىكنىڭ دوست بولۇش ئارزۇسىنى ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن رازىلىق بىلدۈرۈپ جاۋاب ياندۇرۇشۇپتۇ.

ياندۇرۇشماقⅡ

  • ياندۇرۇشماقⅡ[يەشمىسى:] «ياندۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كۈندۈزى تولۇق ئىشقا چىقاتتى، ئاخشىمى ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە ئۆزئارا ئاپتوموبىللارنىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇشۇپ، كېچىچە ئاپتوموبىللارنى رېمونت قىلىشاتتى.

ياندۇرۇق

  • ياندۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوشاماچقا قوشۇلىدىغان ئۇلاغنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا باغلىنىدىغان ئارغامچا. [يەشمىسى:] ② ئادىمىگەرچىلىكتە قارشى تەرەپنىڭ بەرگەن، سوۋغا قىلغان نەرسە-كېرىكىگە جاۋابەن قايتۇرۇلغان نەرسە:[مىسال:] كېيىن كىرگەنلەر بوش ئورۇنغا جايلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاشخانىغا بۇرۇن كىرگەنلەر ئۆزىنىڭ چېيىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، كېيىن كىرگەنلەرگە تۇتاتتى. ئارقىدىنلا كېيىن كىرگەنلەرمۇ ياندۇرۇقى قىلىپ چاي تۇتاتتى.

ياندۇرۇقلۇق

  • ياندۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېنىپ تۇرغان، ياندۇرۇلغان:[مىسال:] بۇ ئۆيدىكى جوزا ئۈستىگە ياندۇرۇقلۇق چىراغ، چاي، قەنت ۋە تاماكىلار قويۇلغانىدى.

ياندۇرۇلماقⅠ

  • ياندۇرۇلماقⅠ[يەشمىسى:] «ياندۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھۈسەينەم ھەر كۈنى تورغاي ئويغانماستىن بالدۇر ئىشقا ھەيدەلسە، كەچ گۇگۇمدا ياكى بەزىدە ئاي يورۇقىدا ياندۇرۇلاتتى.

ياندۇرۇلماقⅡ

  • ياندۇرۇلماقⅡ[يەشمىسى:] «ياندۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] رۇقىيە ياندۇرۇلغان چىراغنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئالدىراپ دېرىزىنىڭ پەردىسىنى يېپىشقا باشلىدى.

ياندىما

  • ياندىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يانداپ قويۇلىدىغان، ياندىلىدىغان:[مىسال:] بورانلىق قۇيرۇق پالوبىلىرى، راھەت بىلىنىدىغان ياندىما رېشاتكىلىق ئايلانما پالوبىلار، قىرائەتخانا، كۇلۇب، ياتاقلار، قىسقىسى، مەن ئارىلىمىغان ھېچ يەر قالمىدى.

ياندىماق

  • ياندىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېنى بىلەن ماڭماق، يېقىنلاشماق:[مىسال:] مەن پاتىگۈلنى يانداپ ئۆتۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ② يانداشتۇرماق؛ قوشماق:[مىسال:] ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كونا ئۆيلىرىگە يانداپ ئىككى ئېغىزلىق يېڭى ئۆي سېلىۋالدى.

يانغاق

  • يانغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① گېپىدە، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، گېپىدىن ئاسان يېنىۋالىدىغان:[مىسال:] بىزنىڭ مەھەللىدە ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن بولۇپ، بىرىنى «ئابلا يانغاق» بىرىنى «ھاشىم تايغاق» دەيتتى.[يەشمىسى:] ② ھارۋىنى ياخشى تارتمايدىغان، كەينىگە داجىيدىغان:[مىسال:] يانغاق ئات. يانغاق ئۆكۈز.

يانغىن

  • يانغىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوت تۇتىشىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان زور يالقۇن؛ ئوت:[مىسال:] ئوت كەتكەن يەردە ياغلىق نەرسە قانچە كۆپ بولسا، يانغىن شۇنچە ئۇزاققا سوزۇلىدۇ.

يانقارماق

  • يانقارماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يان+قارماق[[يەشمىسى:] ھارۋا ئېگىرىنىڭ قاپتىلى بىلەن بەلۋېغىنىڭ ئۆزئارا سۈركىلىپ بىر-بىرىنى يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېگەرنىڭ قاپتىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇپقا تۆمۈر.

يانماقⅠ

  • يانماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسلىي كەلگەن ياكى تۇرغان يېرىگە بارماق، دەسلەپكى يېرىگە كەلمەك، قايتماق:[مىسال:] ئۆيگە يانماق. بازاردىن يانماق. * ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس (ماقال). * يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② چېكىنمەك، قايتماق:[مىسال:] ئەتىگەنكى مۇشتتىن يانما (ماقال). * ئۇ ئەتىگەندە سودىدىن يانسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، باھا تالاشمايلا خېرىدارنىڭ دېگىنىگە بېرىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ قارشىلىق قىلماق، دىۋىنماق، ئۆكتە قوپماق:[مىسال:] ئوغلى نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا دادىسىغا يېنىپ يولسىز تاكاللاشتى.[يەشمىسى:] ④ سوۋۇماق، پەسەيمەك:[مىسال:] كەيپى يانماق. قىزىتمىسى يانماق.[يەشمىسى:] ⑤ قاتتىقلىق دەرىجىسى بوشىماق، چىڭلىقى يوقالماق:[مىسال:] كامانچىلىق چالغۇلار ئادەتتە ئاسان يېنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋاز مۇقىملىقى باشقا چالغۇلارغا نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ توختىماق، ۋاز كەچمەك، قايتماق، بوشىماق:[مىسال:] بىزنى بوزەك قىلىدىغان ئەختەمبايدەك ئادەملەر بىلەن بولىدىغان كۆرىشىمىز تېخى بار، كۈرەش قىلىشتىن يانمايمىز.[يەشمىسى:] ⑦ چۈشۈپ قالماق:[مىسال:] ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم كېلىپ مەن يېقىلغان يەرگە يانچۇقۇمدىن يېنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكا، تونۇشتۇرۇش قەغىزى ۋە بېلەت قاتارلىقلارنى توپىلىرىنى قېقىۋېتىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.

يانماقⅡ

  • يانماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوت ئالماق، كۆيمەك:[مىسال:] تار ۋە تۇمانلىشىپ قالغان كوچىدا خىرە ئېلېكتر چىراغلىرى ياندى.

يانمۇيان

  • يانمۇيان[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە يېقىن، يانداش، بىر قاتار:[مىسال:] يانمۇيان ماڭماق. يانمۇيان كەلمەك. * گۈلخان يېنىدىكى تاش ئۈستىدە ئەكبەر بىلەن سەلىمە يانمۇيان ئولتۇراتتى.

يانۋار

  • يانۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ① قەدىمكى رىم خرىستىئانلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە بىرىنچى بولۇپ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاينى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان.[يەشمىسى:] ② مىلادىيە يىل ھېسابى بويىچە بىرىنچى ئاي.

ياۋ

  • ياۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇش، جەڭدىكى قارشى تەرەپ؛ دۈشمەن، رەقىب:[مىسال:] ياۋ ياقىدىن ئالسا، ئىت ئېتەكتىن ئالار (ماقال).

ياۋا

  • ياۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن، ئادەمگە ئۆگىتىلمىگەن:[مىسال:] ياۋا كەندىر. ياۋا ئات. ياۋا ئېشەك.[يەشمىسى:] ② نورمال بولمىغان، غەيرىي:[مىسال:] مۇسا ئۇنىڭ بۇرۇنلىرىدىكى ياۋا تۈكلەرنى قايچا بىلەن قىرقىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ كىشىلەرگە ئارىلاشمايدىغان، مىجەزى باشقىچە، مىجەزى غەيرىي، يېگانە:[مىسال:] ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سەل ياۋا كېلىدىكەن.[يەشمىسى:] ④ غەيرىي، يېقىمسىز (ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] ياۋا ئاۋاز.

ياۋا كەپتەر

  • ياۋا كەپتەر[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كەپتەرنىڭ بىر خىلى. تېنىنىڭ يۇقىرى قىسمى كۈل رەڭ بولۇپ، بويۇن قىسمىدا يېشىلغا مايىل قوڭۇر رەڭلىك پارقىرىقى بولىدۇ. قورساق قىسمى ئاچ كۈل رەڭ كېلىدۇ. ئۇچۇشقا ماھىر. زىرائەت دانلىرى ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

ياۋاش

  • ياۋاش[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شوخلۇق قىلمايدىغان، ئېغىر-بېسىق، ئىتائەتمەن، تىنچ ياكى جىم يۈرىدىغان، رايىش، مۆمىن:[مىسال:] ياۋاش بالا. ياۋاش كالا. * بىر ياماندىن قورق، بىر ياۋاشتىن قورق (ماقال). * مېھمان قويدىن ياۋاش (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆۋەن، ئاستا، بوش:[مىسال:] سۇتۇق ئاۋازىنى ياۋاش چىقارماق بولغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇيرۇق ئاۋازىغا ئوخشاپ كەتتى. ∥ ناغرا، سۇناي بىرپەس ياۋاشراق ئاھاڭدىن كېيىن بىردىنلا شوخ ئۇسسۇل ئاھاڭىغا يۆتكەلدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئاستا، سۇس، يەڭگىلگىنە:[مىسال:] بوۋاي باشتىكى پەدە بىلەن ساتارىنى ياۋاش چۈشەردى. * ئۇلار ئازراق پىرقىرىغاندىن كېيىن، بىرپەس ياۋاش ئوينىدى-دە، يەنە پىرقىراشقا باشلىدى.

ياۋاشلاتماق

  • ياۋاشلاتماق[يەشمىسى:] «ياۋاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنى ياۋاشلىتىدىغان ئامالنى قىلمىساق بولمايدۇ، دېدى موللا زەيدىن ئويچان ھالدا ئايالىغا قاراپ.

ياۋاشلاشماق

  • ياۋاشلاشماق[يەشمىسى:] «ياۋاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بالىلىرى بەكلا ياۋاشلىشىپ كەتتى.

ياۋاشلانماق

  • ياۋاشلانماق[يەشمىسى:] ① «ياۋاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② «ياۋاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ياۋاشلىنىپ قالدىم.

ياۋاشلىق

  • ياۋاشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋاشلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، مۇئامىلە:[مىسال:] ياۋاشلىق قىلماق. * بۇ چاغدا ئادىلنىڭ بۇيرۇقىغا ياۋاشلىق بىلەن بويسۇنغان سىيىت ئاكا ئەنۋەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئىشىكنىڭ سىرتىغا چىقىپ بولغانىدى.

ياۋاشلىماق

  • ياۋاشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياۋاش بولۇپ قالماق، ياۋاش ھالەتكە كەلمەك، پەسكويغا چۈشمەك:[مىسال:] ناخشا ئېيتىپ ئويناقلاپ ئاققان كۈمۈش دەريالار، قىش كەلگەندە ياۋاشلاپ، توختايدىكەن شوخلۇقتىن، ئاقار ئەمما قەلبىمنىڭ دولقۇنلاپ ئوت دەرياسى، قىيان ياساپ، گۈركىرەپ پەخىرلىنىش — زوقلۇقتىن.

ياۋاش-يۇمشاق

  • ياۋاش-يۇمشاق[يەشمىسى:] گەپ ئاڭلايدىغان رايىش، سىلىق-سىپايە؛ ئوڭلۇق:[مىسال:] ئانا تۇيۇقسىز بىر چاغلاردا قىزى باشلاپ كېلىدىغان ئاق يۈزلۈك، ياۋاش-يۇمشاققىنا بالىنى ئەسلەپ قالدى.

ياۋان

  • ياۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەھەرنىڭ سىرتىدىكى يەر؛ دەشت؛ چۆل، جەزىرە؛ دالا:[مىسال:] ئېگىز-ئېگىز داۋاننى، ئاتلىرىمغا تاپشۇردۇم. ياۋاندىكى بۆرىنى، مىلتىقىمغا تاپشۇردۇم.

ياۋايى

  • ياۋايى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئادەمگە كۆنمىگەن، كۆندۈرۈلمىگەن، تەبىئەتتە ئەركىن ياشاۋاتقان (ھايۋانات ھەققىدە):[مىسال:] ئورمان ياۋايى ھايۋان، قۇشلارنىڭ ماكانى.[يەشمىسى:] ② ئۆزى تەبىئىي ئۆسىدىغان ياكى ئۆسكەن (تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدە):[مىسال:] مۇبادا مۇشۇ ئەمگەكلىرىمىز بىلەن ياۋايى ئوتلارغا جەڭ ئېلان قىلالىساق، دېھقانلارنىڭ شال ئوتاش ۋاقتىنى تېجەپ، دەردىنى يېنىكلەتكەن بولاتتۇق دېدى ھاشىم ئاكا خۇشاللىنىپ.[يەشمىسى:] ③ مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىغا خاس بولغان، قالاق، مەدەنىيەتسىز:[مىسال:] بۇرژۇئازىيە بارلىق ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ تېزلىكتە ياخشىلىنىشى ۋە قاتناش ئىشلىرىنىڭ ناھايىتىمۇ ئاسانلىشىشى ئارقىسىدا، ھەممە مىللەتلەرنى ھەتتا ئەڭ ياۋايى مىللەتلەرنى مەدەنىيەت تەرەپكە تارتتى.[يەشمىسى:] ④ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن چەتلىگەن؛ قەبىھ، ۋەھشىي:[مىسال:] سەن سەنئەتنى خارلايدىغان ياۋايى تەبىئەتلىكلەرنىڭ خىلىدىنسەن

ياۋايىلاشماق

  • ياۋايىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياۋايى بولۇپ قالماق، ياۋايى ھالەتكە كېلىپ قالماق:[مىسال:] يىللار ئۆتكەنسېرى، قۇتلۇق شۇنداق جىمغۇر، شۇنداق ياۋايلىشىپ كەتتىكى، ھەتتا سېلىم ئاكا كىرگۈزگەن تاماقنىمۇ يېمەيدىغان بولۇۋالدى.

ياۋايىلىق

  • ياۋايىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋايىلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] گۈپۈلدەپ گۈل پۇراپ تۇرغان گۈلشەننى، ياۋايىلىق قىلدى خاراب بىردەمدە. مەن ئويلىدىم: گۈزەللىكتىن سەسكەنگەن، يەنە بىر جاي بارمىدۇ بۇ ئالەمدە

ياۋچى

  • ياۋچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] «ياۋچىلار»غا قاراڭ.

ياۋچىلار

  • ياۋچىلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] قەدىمكى قەبىلە. ئۇلار چى?喧?خەن دەۋرلىرىدە دۇنخۇاڭ، چىليەن تېغى ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 177-، 176-يىللىرى ھونلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، غەربكە كۆچۈپ، ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ساكلار تەۋەلىكىدىكى جايلاردىن ھەتتا ئىسسىقكۆل ۋە ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنىمۇ ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچكەن قەبىلىرى تارىختا ئۇلۇغ ياۋچىلار دەپ ئاتىلىدۇ. تەخمىنەن مىلادىيە Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، ئۇلار باكتېرىيىلەرنىڭ شەرققە كىرىشى بىلەن يوقالغان.

ياۋروپا

  • ياۋروپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ياۋروپا قىتئەسى. دۇنيادىكى يەتتە قىتئەنىڭ بىرى. شىمال تەرىپى شىمالىي مۇز ئوكيانغا، غەرب تەرىپى ئاتلانتىك ئوكيانغا، جەنۇپ تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. يەر كۆلىمى 10 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن قىتئەدە 700 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە، 32 دۆلەت ۋە بىر رايون بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇسى زىچ رايون ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپالاشتۇرماق

  • ياۋروپالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ياۋروپالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ياۋروپالاشماق

  • ياۋروپالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەممە جەھەتتىن ياۋروپانىڭكىگە ئوخشاش بولماق:[مىسال:] ئۇ ھازىر زامانغا لايىق ياۋروپالاشقان جۈپتىن بىرنى تېپىش يولىدا ئىزدەنمەكتە ئىدى.

ياۋروپالىق

  • ياۋروپالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋروپا قىتئەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ياۋروپادا ياشايدىغان ئادەم:[مىسال:] ئۇ قىز ياۋرۇپالىق ئىكەن.

ياۋزۇ

  • ياۋزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئېلىمىزنىڭ گۇاڭشى، خۇنەن، يۈننەن، گۇاڭدۇڭ ۋە گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

ياۋزۇچە

  • ياۋزۇچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياۋزۇ خەلقىگە، ئۇنىڭ تىل-يېزىقى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] ياۋزۇچە ئۇسسۇل. ياۋزۇچە ئادەت. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋزۇ تىلى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ياۋزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ياۋزۇ تىلىدا:[مىسال:] ياۋزۇچە سۆزلىمەك.

ياۋۇز

  • ياۋۇز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كەتكەن رەھىمسىز، شەپقەتسىز، قەبىھ، رەزىل، يىرتقۇچ:[مىسال:] ياۋۇز ئادەم. ياۋۇز دۈشمەن.

ياۋۇزلارچە

  • ياۋۇزلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ياۋۇزلارغا ئوخشاش، ياۋۇزلۇق بىلەن، ۋەھشىيلەرچە:[مىسال:] بىر ئەبلەخ ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ، ياۋۇزلارچە ئۇنىڭغا ھومىيىپ قاراپ قويدى.

ياۋۇزلاشماق

  • ياۋۇزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياۋۇز ھالەتكە كەلمەك، ياۋۇز بولماق، ۋەھشىيلەشمەك:[مىسال:] شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كەپتۇ تاغنىڭ كەينىدىن. ياۋۇزلاشقان دۈشمەنلەر، ماتەم چىللاپ پەيلىدىن.

ياۋۇزلۇق

  • ياۋۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋۇزلارچە ئىش-ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ مېنى مەپتۇن قىلغان چىرايلىق ھەم نۇرلۇق كۆزلىرىدىن پەقەت يىرتقۇچلاردىلا بولىدىغان ياۋۇزلۇقنى كۆردۈم.

ياۋىداق

  • ياۋىداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگەر-توقۇمسىز، ئېگەر-توقۇم توقۇلمىغان؛ يالىڭاچ:[مىسال:] قورقۇپ كەتكەن قۇيرۇقچىلار ئاتلىرىنى ياۋىداق مىنىپ پىتىراپ قاچماقتا ئىدى.

ياۋىلاشماق

  • ياۋىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياۋىغا ئايلانماق:[مىسال:] مۇشۇ كۈنلەردە بەزى كىشىلەر بەكلا ياۋىلىشىپ كېتىپتۇ.

ياي

  • ياي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەگمەچ، گەردىش شەكىل:[مىسال:] ئۇ ئوقيا ياساش ئۈچۈن تاياقنى ياي قىلىپ ئەگدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] چەمبەر ئۈستىدىكى خالىغان ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى بۆلەك.

ياياق

  • ياياق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتناش قورالىسىز، ئۇلاغسىز:[مىسال:] ياياق ئادەم ئاتلىق ئادەم بىلەن قانداق يۈگۈرۈشسۇن. ∥ ياياق يۈرمەك. ياياق ماڭماق.

يايپاڭ

  • يايپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاستى تار، ئاغزى (ئۈستى) تەرىپى يېيىلاڭغۇ؛ كەڭ:[مىسال:] يايپاڭ قازان. يايپاڭ چىنە.

يايداڭ

  • يايداڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستىگە ھېچنېمە قاچىلانمىغان، قۇرۇق:[مىسال:] يايداڭ ھارۋا. يايداڭ ئاپتوموبىل.

يايدۇرماق

  • يايدۇرماق[يەشمىسى:] «يايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاسترونومىيە<كىچىك ھەۋەسكارلىرى يېقىندىن بېرى ھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنى كۆزىتىش ئالدىدىكى تەييارلىق ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇۋەتتى.

يايراتماق

  • يايراتماق[يەشمىسى:] «يايرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] زەپمۇ يايراتتى كۆڭۈلنى تاڭدا بۇلبۇل نەغمىسى، تاغدا ئاھۇ، كۆكتە قارلىغاچ، ئاق قۇ ئوينار غاز بىلەن.

يايراشماق

  • يايراشماق[يەشمىسى:] «يايرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يايرىشىپ ئوتلاۋاتقان قويلار ۋە ئېشەكلەرمۇ ئىسسىققا چىدىماي دەرەخنىڭ سايىسىگە كېلىۋېلىشتى.

يايرىماق

  • يايرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلماق، مەززى قىلماق، مەمنۇن بولماق، خۇرسەن بولماق، سۆيۈنمەك:[مىسال:] بوۋاي ھەر ۋاخ تامىقىدىن كېيىن غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاندا، موماينىڭ جېنى يايراپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ.

يايسىمان

  • يايسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يايغا ئوخشاش، يايدەك:[مىسال:] يايسىمان باكتېرىيە. يايسىمان چىراغ. يايسىمان نۇر. يايسىمان زىخچە.

يايلاتماق

  • يايلاتماق[يەشمىسى:] «يايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كارۋان خوجايىنى بۇ يەردە تۆگىلەرنى يايلىتىپ ئۈچ كۈن دەم ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يايلاشماق

  • يايلاشماق[يەشمىسى:] «يايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تەلىيى كۈلگەن يېشىل يايلاقتا باق، يايلىشار سېمىز كالا، قوي، ئات-ئۇلاغ. ئۇندا قويچى شادلىقىدىن ئېيتسا كۈي، سالىدۇ بۇلبۇل خۇشاللىقتا قۇلاق.

يايلاق

  • يايلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا ئوتلايدىغان كەڭ مەيدان؛ ئوتلاق:[مىسال:] يايلاققا بارماق. يايلاق قانۇنى.

يايلاقچىلىق

  • يايلاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يايلاق، ئوتلاق بەرپا قىلىش، باشقۇرۇش ئىشى، ئومۇمەن يايلاق ۋە ئوتلاق بىلەن مەشغۇل بولۇش پائالىيىتى:[مىسال:] ھازىر رايونىمىزدا يايلاقچىلىقنىڭ خەلق ئىگىلىگىدىكى ئورنى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا.

يايلىق

  • يايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يايى بار، يايغا ئىگە:[مىسال:] يايلىق لامپا. يايلىق زەرەتسىزلىنىش.

يايلىماق

  • يايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ يېمەك، ئوت بىلەنئوزۇقلانماق، ئوتلىماق (چارۋىچىلار ھەققىدە):[مىسال:] دادۈينىڭ چارۋا-ماللىرى يازلىقى ئاشۇ قارىياغاچ ۋە بۇلاقنى مەركەز قىلىپ، ئەتراپتىكى ئوت-چۆپلۈك جىلغىلاردا يايلايتتى.

يايما

  • يايما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېيىپ سېتىلىدىغان ياكى يېيىپ قۇرۇتۇلىدىغان، يېيىلىدىغان:[مىسال:] يايما قاق. يايما پالاس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يايغان نەرسە، بىرەر جايغا سېلىنغان پالاس ئۈستىگە سېتىش ئۈچۈن يېيىپ قويۇلغان ھەر خىل نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ كوچىنىڭ دوقمۇشىدا يايما ئېچىپ خېرىدار چاقىرىشقا باشلىدى.

يايما قاق

  • يايما قاق[يەشمىسى:] ئالما، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلەرنى قازاندا قاينىتىپ قويۇق ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتا تەكشى يېيىتىپ قۇرۇتۇلىدىغان قاق.

يايماق

  • يايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوراقلىق، قاتلاقلىق، يۆگەكلىك، پۈكلەكلىك نەرسىلەرنى ئاچماق، ئېچىپ قويماق؛ سالماق:[مىسال:] داستىخان يايماق. قۇچاق يايماق. ئېتەك يايماق.[يەشمىسى:] ② خېمىرنى بېسىپ، نېپىزلىتىپ كېڭەيتمەك:[مىسال:] دالاندىكى يوغان پالاس ئۈستىدە بىرنەچچە ئاياللار سۇپرىلىرىنى ئېچىپ چۆپ يايماقتا.[يەشمىسى:] ③ ئېچىپ، يېيىپ ئاسماق، ئاپتاپقا سالماق:[مىسال:] كىيىم يايماق. كىر يايماق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تارقاتماق، كېڭەيتمەك، ئاشكارىلىماق:[مىسال:] چەكمە يۈرەك تارىمنى، ئەلگە يايما زارىمنى. چۈشۈمدە كۆرەر بولسام، يىراقتىكى يارىمنى.

يايمىچى

  • يايمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يايما يېيىپ مال ساتقۇچى، يايمىكەش:[مىسال:] ئارىلاشما ئاھاڭلارغا ئۇشقۇرتۇپ، كەلدى ئايال يايمىچىلار ئالدىغا. ھەرىكەت قىلىپ سەھنىدىكى ئارتىستەك، قوللىرىنى يېيىپ باقتى ئۇ ئالغا.Ⅸ机?تۈرى: ېېتىش ئىشى، كەسپى؛ يايمىكەشلىك:[مىسال:] ھۆپىگەرلەرگە تىجارەت قىلىدىغان جاي كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەردە يايمىچىلىق قىلىشىغا، خېرىدار چىللاپ ۋارقىراپ يۈرۈشىگە يول قويماسلىق لازىم.

يايمىكەش

  • يايمىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يايمىچى:[مىسال:] يايمىكەشلەر خېرىدارنى چىللاپ توۋلاپ تۇرىدۇ.

يايمىكەشلىك

  • يايمىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يايما يېيىپ مال سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى، يايمىچىلىق:[مىسال:] ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يايمىكەشلىك قىلىپ ئۆز كارخانىسىنىڭ بېسىلىپ قالغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

يايى

  • يايى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە بەگ، ھاكىملارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى جاكارلايدىغان، بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرىدىغان كىشى:[مىسال:] يامۇلنىڭ جۈمەش قاتارلىق بىرقانچە يايىسى ئاتلىرىنى كوچىدا بولۇشىچە چاپتۇرۇپ كەلمەكتە.

يەپ-ئىچىپ

  • يەپ-ئىچىپ[يەشمىسى:] يەپ ۋە ئىچىپ:[مىسال:] يەپ-ئىچىپ ئوينايدىغان ئىشرەت ماڭا لازىم ئەمەس.

يەتتە

  • يەتتە[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئالتىدىن چوڭ سەككىزدىن كىچىك بولغان پۈتۈن سان، «7» رەقىمى:[مىسال:] ئالتىگە بىرنى قوشساق يەتتە بولىدۇ. * يېتىمنىڭ ئاتىسى يەتتە (ماقال). * يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس (ماقال).

يەتتە ئەزا

  • يەتتە ئەزا[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ كۆز، بۇرۇن، قۇلاق، ئېغىز، پۇت، قول ۋە باش قاتارلىق ئاساسلىق سەزگۈ ئەزالىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

يەتتە ئەزاسى پۈتۈن

  • يەتتە ئەزاسى پۈتۈن[يەشمىسى:] تېنى ساغلام:[مىسال:] يەتتە ئەزايىم پۈتۈن، ئۆز كۈنۈمنى ئۆزۈم ئالالايمەن.

يەتتە تاغنىڭ نېرىسى

  • يەتتە تاغنىڭ نېرىسى[يەشمىسى:] دەرھال يەتكىلى بولمايدىغان، ئۇزۇن مۇساپىلىق، يىراق يەر.

يەتتە خۇپتەن

  • يەتتە خۇپتەن[يەشمىسى:] قاراڭغۇ چۈشكەن، كېچە، ئەل ياتار ۋاقىت.

يەتتىقاراقچى

  • يەتتىقاراقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يەتتە+قاراقچى[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يەتتە يورۇق يۇلتۇز. تارقىلىشى چۆمۈچكە ئوخشايدۇ. ئادەتتە «يەتتىتىكەن»، «يەتتىقوزۇق» مۇ دېيىلىدۇ.

يەتتە نەزىر

  • يەتتە نەزىر[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىي ئادىتى بويىچە ئادەم ۋاپات بولۇپ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىر.

يەتتە ئىقلىم

  • يەتتە ئىقلىم[يەشمىسى:] پۈتۈن دۇنيا، يەر يۈزى:[مىسال:] مەن ئۇنى ئىزدەپ يەتتە ئىقلىمنى كېزىپ چىقتىم.

يەتتەيلەن

  • يەتتەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] يەتتە كىشى، يەتتە نەپەر ئادەم.

يەتتىلىك

  • يەتتىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزىگە يەتتە رەقىمى يېزىلغان، يەتتە دانە شەرتلىك بەلگە بېسىلغان:[مىسال:] يەتتىلىك خىش. يەتتىلىك تاپان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق قارتا:[مىسال:] قاغىنىڭ يەتتىلىكى.

يەتتىنچى

  • يەتتىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئورۇن تەرتىپى يەتتە رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن؛ ئالتىنچىدىن كېيىن، سەككىزىنچىدىن ئىلگىرى:[مىسال:] يەتتىنچى سىنىپ. يەتتىنچى كالاچ. يەتتىنچى ئۆي.

يەتتىنچى ئاي

  • يەتتىنچى ئاي [يەشمىسى:]«ئىيۇل»غا قاراڭ.

يەتتىنچى جۇ

  • يەتتىنچى جۇ[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دېھقانلار كالېندارى بويىچە «قىشلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش» مەۋسۇمى كىرگەندە، توققۇز كۈندىن ھېسابلىنىدىغان توققۇز جۇنىڭ يەتتىنچىسى. مىلادىيە ھېسابىدا 20-فېۋرالدىن 22-فېۋرال ئارىلىقىدا باشلىنىپ، 28-فېۋرالدىن 1-مارت ئارىلىقىدا ئاخىرلىشىدۇ.

يەتكۈزمەك

  • يەتكۈزمەك[يەشمىسى:] ① «يەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] روشەنگۈل ئۇنى بۇرۇنقىدەكلا يوقلاپ، قوشنىدارچىلىقىنى يەتكۈزۈپ تۇردى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئەدلىيە ئورگانلىرى مەلۇم ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋا ھۆججىتىنى دېلودىكى دەۋاگەرگە ياكى باشقا دەۋاغا قاتناشقۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرمەك.

يەتكۈزۈشمەك

  • يەتكۈزۈشمەك[يەشمىسى:] «يەتكۈزمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەھەللىدىكىلەر ئىشىكلىرىنى تاراقلىتىپ ئېچىپ، ئۆيلىرىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقاتتى-دە، يامغۇر گويا ئۆزىنىڭ ئۆگزىسىگىلا ياغقاندەك، قوشنىلىرىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشەتتى.

يەتكۈزۈلمەك

  • يەتكۈزۈلمەك[يەشمىسى:] «يەتكۈزمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەل دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى.

يەتمەك

  • يەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆزلىگەن نىشانغا، ماكانغا، مەنزىلگە ئۇلاشماق؛ بارماق:[مىسال:] مەنزىلگە يەتمەك. قوغلاپ يەتمەك.[يەشمىسى:] ② ئويلىغىنى، مۆلچەرلىگىنى ۋاقىت، سان، مىقدار جەھەتتە باپ كەلمەك، تەڭ بولماق:[مىسال:] رەھبەرلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، بۇ ناھىيىدە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ساۋات چىقىرىش نىسبىتى 90 پىرسەنتكە يەتتى.[يەشمىسى:] ③ كۇپايە بولماق، تەمىن ئەتمەك، قامدالماق:[مىسال:] تۇرمۇشقا يەتمەك. ئېھتىياجغا يەتمەك. * كۆپ بولسا كېتەر، ئاز بولسا يېتەر (ماقال).[يەشمىسى:] ④ ھاسىل بولماق، ئەمەلگە ئاشماق، ئورۇندالماق:[مىسال:] ئارمىنىغا يەتمەك. مۇرادىغا يەتمەك. * ئەزمە ئويلانغىچە، تەۋەككۈلچى مەقسىتىگە يېتىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ ھۇزۇر-ھالاۋەت، پايدا-مەنپەئەت، پۇرسەتكە ئېرىشمەك، ئۇلاشماق:[مىسال:] ئۇلار بۇرۇنقى ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇشتا ئۆلۈپ كەتمەي، بۈگۈنكى بەختلىك كۈنگە يەتتى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توسالغۇغا، دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماق:[مىسال:] مۇشۇ ئارىدا ئالتە مىنۇتتىن ئارتۇق ماشىنا توختاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئىسمىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكەن.[يەشمىسى:] ⑦ مەلۇم چەك، مەلۇم نۇقتا، مەلۇم دەرىجىگە بارماق، تاقالماق:[مىسال:] بالاغەتكە يەتمەك. ۋايىغا يەتمەك. * ھۆرمەتلىك دوستۇم، نېمە دېسەم بولار مەن ھازىر ساڭا ئوخشاش بەش-ئالتە كادىرغا مائاش بەرگۈدەك ھالغا يەتتىم.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاڭلانماق، مەلۇم بولماق:[مىسال:] بىر كۈنلىرى بۇ سۆز بېرىپ شاھزادىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېسىگە كەلمەك، ئويلاپ تاپماق، ھېس قىلماق:[مىسال:] يادىغا يەتمەك.[يەشمىسى:] 01 يېيىلماق، تارقالماق، ئاڭلانماق:[مىسال:] بۇ ۋەقە ئەمدى شەھەرگە يېتىپتۇ. * قەدىم يىپەك يولى پەقەتلا بارغان بولسا ئىرانغا، رومغا، يەتتى ھازىر بىزنىڭ بۇ گىلەم دېڭىز ئاتلاپ ۋاشىنگىتونغا.[يەشمىسى:] 11 [يەشمىسى:] بەزى تۇرغۇن سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئانالىتىك پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] ئەجەل يەتمەك. قازا يەتمەك. ئازار يەتمەك.[يەشمىسى:] 21 بىلمەك، چۈشەنمەك:[مىسال:] كىمكى ئۆزىنى تونۇسا، ئۆزىنىڭ قەدرىگە يەتسە، ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن، تۇرمۇش ئۈچۈن كېرىكى بارلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ كۈن — ئۇنىڭ ئەڭ شاد، ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنىدۇر. * دوختۇر بولۇپ خەلقنىڭ شىپا بېرىپ دەردىگە، ئىشلەش ئۈچۈن يېتىمەن، ئىلىم-پەننىڭ قەدرىگە.

يەتمىش

  • يەتمىش[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئوننىڭ يەتتە قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان:[مىسال:] يەتمىش جىڭ گۈرۈچ. يەتمىش تۇياق قوي.

يەتمىش پۇشتى

  • يەتمىش پۇشتى[يەشمىسى:] قوۋم-قېرىنداش، ئۇرۇق-ئەۋلادى، جەددى-جەمەتى:[مىسال:] شەرىخان بىلەن توختاخۇن ئىلياز خوجىنىڭ يەتمىش پۇشتىنى قارغاپ يۈرۈپ قىلمىغان سەۋەبى قالمىدى.

يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك

  • يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتمەك[يەشمىسى:] قاتتىق ئەدەبلىمەك، جازاسىنى بەرمەك:[مىسال:] ئەگەر باشقا بىرى بولغان بولسا، بۇ ئادەم قولۇڭنى كۆتۈر دېگۈچىنىڭ يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسەتكەن بولاتتى.

يەتمىشىنچى

  • يەتمىشىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئورۇن تەرتىپى يەتمىش سانى بىلەن بەلگىلەنگەن؛ ئاتمىش توققۇزدىن كېيىن، يەتمىش بىردىن ئىلگىرى:[مىسال:] يەتمىشىنچى ئۆي. يەتمىشىنچى يىللار.

يەجۈج

  • يەجۈج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي قاراش بويىچە، ئاخىر زاماندا چىقىپ، ئەلگە كۆپ خارابلىق يەتكۈزىدىغان ۋە زۇلۇم سالىدىغان قوۋمنىڭ ئېگىز بويلۇقلىرى.

يەجۈج-مەجۈج

  • يەجۈج-مەجۈج[يەشمىسى:] رىۋايەتلەردە ئېيتىلغان ئەلگە خارابلىق يەتكۈزىدىغان بىر تائىپە.

يەر

  • يەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇياش سىستېمىدا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان پلانېتا:[مىسال:] يەر شارى. يەر يۈزى.[يەشمىسى:] ② شۇ پلانېتا تەركىبىدىكى قۇرۇقلۇق قىسمى:[مىسال:] يەر پلانېتانىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ پلانېتانىڭ سىرتقى قاتلىمى؛ پوستى:[مىسال:] يەر قاتلىمى. يەر بايلىقى. * يەر كىشىنى يەيدۇ، كىشى يەرنى يەيدۇ (ماقال). * ئەرنىڭ ئېرى بار، يەرنىڭ يېرى بار (ماقال). *[يەشمىسى:] ④ نەرسىلەر تۇرغان، جانلىقلار ياشاۋاتقان جاي؛ ئورۇن، ماكان:[مىسال:] يەرگە پالاس سالماق. * كۈندۈزى مەندەك ئەر يوق، كېچىسى ياتىدىغان يەر يوق (ماقال). * توققۇز ئوغۇل كەنجى ئوغۇلغا ئەگىشىپ يولغا چىقىپتۇ. بىرچاغدا دەريانىڭ چوڭقۇر يېرىگە بېرىپ، ئېگىزدىن تۆۋەنگە بېقىپتۇ، ئۇلار كۆرۈپتۇكى، سۇنىڭ ئاستىدا بىرتالاي قوزىلار مەرىشىپ تۇرغۇدەك.[يەشمىسى:] ⑤ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا پايدىلىنىدىغان تۇپراق قاتلىمى، تېرىقچىلىق قىلىدىغان، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان جاي؛ تېرىلغۇ مەيدانى:[مىسال:] بوز يەر. مۇنبەت يەر. شورلۇق يەر.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر نەرسە بەند قىلىپ تۇرغان، ئىگىلىگەن ئورۇن، جاي، ماكان:[مىسال:] قانداق كەلدىڭ بۇ يەرگە توختا قولۇڭنى كۆتەر بىلمىدىڭمۇ بۇ يەردىن جېنىدىن تويغان ئۆتەر[يەشمىسى:] ⑦ بىرەر مەملىكەت، دۆلەت ياكى كىشىلەرگە قاراشلىق جاي؛ زېمىن:[مىسال:] يات يەر. ئۆزگە يەر. * بەخت تولپارىغا مىنگەن ئەزىزانە، مۆتىۋەر قەشقەر، ماھارەت تەختىنىڭ شاھى گۈزەل يەر، دىلسۆيەر قەشقەر.[يەشمىسى:] ⑧ بىرەر نۇقتا:[مىسال:] بۇ يەردىن بەش يۈز مېتىر يىراقلىقتا يەنە بىر پارنىكىمىز بار.[يەشمىسى:] ⑨ بىرەر نەرسىنىڭ ياكى ئەزانىڭ ئايرىم قىسمى، بۆلىكى، جايى:[مىسال:] ئۇلار يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان يەرنى ئۈزۈپ ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى.[يەشمىسى:] 01 كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن كېلىپ، شۇ ئالماشتىن ئاڭلانغان تەرەپتىكى جاينى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] شۇ يەرگە كېلىۋىدى، باشقىلار ئۆرۈۋەتتى.

يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار

  • يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر كلاسى، يەنى قۇرۇقلۇقتا ھەقىقىي ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار. بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ تېرىسى قۇرغاق بولۇپ، تېرە بەزلىرى بولمايدۇ، ئېپدېرمىدىن پەيدا بولىدىغان مۈڭگۈز ماددىلىق تەڭگىچىلەر بولىدۇ ياكى ئارىلاپ ھەقىقىي تېرىدىن پەيدا بولغان سۆڭەك پلاستىنكىلىرى بولىدۇ. ئۆپكىسى بىلەن نەپەسلىنىدۇ، يۈرىكى يۈرەك ئىككى دالانچىسى ۋە بۆلۈنۈشى مۇكەممەل بولمىغان ئىككى يۈرەك قېرىنچىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، تەن ئىچىدە ئوزۇقلىنىدۇ، تۇخۇم تۇغىدۇ، قۇرۇقلۇقتا كۆپىيەلەيدۇ، تېنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز. كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى كەسلەنچۈك، يىلان، تاشپاقا، تىمساھ قاتارلىقلار.

يەر بىلەن يەكسان

  • يەر بىلەن يەكسان[يەشمىسى:] بىتچىت، گۇمران، ھالاك قىلماق:[مىسال:] يەر بىلەن يەكسەن بولماق. يەر بىلەن يەكسەن قىلماق. * ئۇلار ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا، ئىراق دىيارىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۇپراقلىرىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ سورىغان بولاتتىم، دېدى ئۇ.

يەر تەۋرەش

  • يەر تەۋرەش[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان يەر پوستىنىڭ تەۋرىشى. پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىگە قاراپ ئۆرۈلۈشلۈك يەر تەۋرەش، يانار تاغلىق يەر تەۋرەش ۋە تۈزۈلمىلىك يەر تەۋرەش دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پۈتكۈل يەر شارىدىكى 59 % دىن ئارتۇق يەر تەۋرەش تۈزۈلمىلىك يەر تەۋرەشكە ياتىدۇ.

يەر تەۋرەش بەلۋېغى

  • يەر تەۋرەش بەلۋېغى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر تەۋرىگەندە تەۋرەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشى مەركەزلەشكەن بەلۋاغ. ئۇ ئادەتتە ھەرىكەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان گېئولوگىيىلىك تۈزۈلمە بەلۋېغى ھېسابلىنىدۇ.

يەر شارى

  • يەر شارى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن ئۈچىنچى پلانېتا. شار شەكلىدە بولۇپ، سەل ياپىلاقراق كېلىدۇ. ئېكۋاتوردىكى رادىئۇسى 63782 كىلومېتىر، قۇتۇپتىكى رادىئۇسى 8.6356 كىلومېتىر، ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىش ۋاقتى بىر كېچە-كۈندۈزگە تەڭ، قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ۋاقتى بىر يىل. ئەتراپىنى ھاۋا قەۋىتى ئوراپ تۇرىدۇ. يۈزىدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئىنسانىيەت، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بولىدۇ. بىر ھەمراھى بار، ئۇ بولسىمۇ ئايدۇر.

يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى

  • يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] راكېتا ئارقىلىق يۇقىرى ئاسمان بوشلۇقىغا قارىتا ئېتىلىپ، تېزلىكى بىرىنچى ئالەم تېزلىكىگە يەتكۈزۈلگەن ھەمدە مەلۇم بىر ئوربىتىغا كىرگۈزۈلۈپ، يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان قىلىنغان سۈنئىي ئاسمان جىسمى.

يەر قىلماق

  • يەر قىلماق[يەشمىسى:] ئىزاغا قويماق، ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكمەك، رەسۋا، شەرمەندە قىلماق:[مىسال:] ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن (ماقال).

يەرگە قارىماق

  • يەرگە قارىماق[يەشمىسى:] بىرەر خاتالىق، سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن خىجىل بولماق، تەڭلىكتە قالماق، ئىزا تارتماق:[مىسال:] قىشتىن بېرى ئەسكىلىك قىلىپ، باھار ئايلىرىدا بىرنەچچە قېتىملاپ يۇرت ئالدىدا يەرگە قارىغان ۋە ھازىرقىدەك كۆزىگە ياش ئالغان بۇ ئادەمگە ئەكبەرنىڭ كۆڭلىدە بىر خىل ھېسداشلىق پەيدا بولدى.

يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماق

  • يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماق[يەشمىسى:] ئىزا-نومۇستىن باش كۆتۈرەلمەي قالماق، رەسۋالاشماق، يۈزى چۈشمەك:[مىسال:] يۈز-قوللىرىم ئوتتەك ياناتتى، ئىزا تارتقىنىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولاتتىم.

يەرگە ئۇرماق

  • يەرگە ئۇرماق[يەشمىسى:] كەمسىتمەك، مەسخىرە قىلماق، ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكمەك، ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەك:[مىسال:] شاھزادىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايتىپ كېلىشى ۋەزىرنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە ئۇرغانىكەن.

يەر ياڭىقى

  • يەر ياڭىقى [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خاسىڭ.

يەر يۇتقۇر

  • يەر يۇتقۇر[يەشمىسى:] ئۆلۈمگە لايىق، ئۆلگۈر:[مىسال:] قايسىڭ يەنە ئېغىزىڭنى «ھا» قىلىپ ئېچىشىدىكەنسەن، ئەتە ئۆزۈڭ كاجىۋا بىلەن كۆرۈشۈسەن، يەر يۇتقۇرلار دېدى ئۇ.

يەر يېغى

  • يەر يېغى [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىرسىن.

يەر-ئاسمان

  • يەر-ئاسمان[يەشمىسى:] يەر ۋە ئاسمان، پۈتۈن ئالەم، كائىنات.

يەر-ئاي

  • يەر-ئاي[يەشمىسى:] يەر ۋە ئاي.

يەر-ئاي سىستېمسى

  • يەر-ئاي سىستېمسى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] يەر شارى بىلەن ئايدىن تەشكىل تاپقان ئاسمان جىسىملىرى سىستېمىسى. يەر شارى بۇ سىستېمىنىڭ مەركىزىي ئاسمان جىسىمى، يەر شارىنىڭ ماسسىسى ئاينىڭكىدىن كۆپ چوڭ، يەر شارى بىلەن ئاينىڭ ئۆزئارا تارتىشىشى نەتىجىسىدە، ئاي يەر شارى ئەتراپىدا توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئالەمدە ناھايىتى كىچىك ئاسمان جىسىملىرى سىستېمىسى شەكىللەنگەن.

يەرتوزغىقى

  • يەرتوزغىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يەر+توزغاق+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوزىقارنى، موگۇ.

يەر-جاھان

  • يەر-جاھان[يەشمىسى:] يەتتە ئىقلىم، ئون سەككىزمىڭ ئالەم، يەر يۈزى:[مىسال:] بۈگۈن يەر-جاھان تولىمۇ چىرايلىق ئىدى.

يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەك

  • يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرمەك[يەشمىسى:] پۈتۈن ئالەمنى تىترەتمەك، يەر-يۈزىنى تەۋرەتمەك، لەرزىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئالقىش سادالىرى پۈتۈن يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى.

يەردە

  • يەردە[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ئەھۋالدا، ھالدا، ئەھۋال ئاستىدا:[مىسال:] قەغەز بىلەن مەتبەئە بولغان يەردە، نېمە ئۈچۈن سىياھ بىلەن قەلەم بولمايدۇ توغرا، دەل ئۆزى شۇ

يەر-زېمىن

  • يەر-زېمىن[يەشمىسى:] يەر ۋە زېمىن؛ يەر يۈزى، ھەممە جاي:[مىسال:] يەرنىڭ ئوي-چوڭقۇرى بىلىنمەي، پۈتۈن يەر-زېمىن ئاق قار بىلەن قاپلانغانىدى.

يەر-زېمىنلىق

  • يەر-زېمىنلىق[يەشمىسى:] يەر-جايى بار، يەر-جايغا ئىگە:[مىسال:] مەنمۇ بۇ يەردە يەر-زېمىنلىق بولۇپ قالدىم.

يەر-سۇ

  • يەر-سۇ[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ① دېھقانچىلىققا كەم بولسا بولمايدىغان يەر بىلەن سۇدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىسى.[يەشمىسى:] ② يەر بېتىدىكى تۇپراق بىلەن سۇ.

يەرسىرەشمەك

  • يەرسىرەشمەك[يەشمىسى:] «يەرسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دەسلەپ سەل يەرسىرەشتى، كېيىن ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالدى.

يەرسىرىمەك

  • يەرسىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەسلىي ئورنىدىن باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكەلگەندە يېڭى ئورۇندا سەل گاڭگىراپ قالماق، يېتىرقىماق، يات ھېس قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇچ تۇرپاندىن ئەكەلگەن ئېشىكى بۇ يەرگە كېلىپ يەرسىرەپ قالدىمۇ قانداق، تازا ماڭمايدىغان بولۇۋاتىدۇ.

يەرقان

  • يەرقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] كېسەل كىشىنىڭ تېرىسى، شىللىق پەردىسى ۋە كۆزىنىڭ ئېقى سارغىيىدىغان بىر خىل كېسەل ئالامىتى. قان سۇيۇقلۇقىدىكى بىلىرۇبىننىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىنچە جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بەزى كىشىلەردە بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

يەرلەشتۈرمەك

  • يەرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «يەرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يەرلەشتۈرۈشمەك

  • يەرلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يەرلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يەرلەشتۈرۈلمەك

  • يەرلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يەرلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياڭاق، چىلان، نانجىگدىلەر يەرلەشتۈرۈلگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئادىلنىڭ قان-تەر، جاپالىق ئەجرى سىڭگەن.

يەرلەشمەك

  • يەرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزلەشمەك، ماسلاشماق، ئولتۇراقلاشماق، تۇراقلاشماق:[مىسال:] بۇ قېتىم كۇچاغا بارغىنىڭىزدا بىز بىلەن بىللە تۇرۇڭ، ئەپلىشىپ قالسا يەرلىشىپ قېلىڭ، دېدى موللازەيدىن.

يەرلەنمەك

  • يەرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆي-جاي، يەر-زېمىنغا ئىگە بولماق، ئېرىشمەك:[مىسال:] يەرسىز ئىدىم، يەرلەندىم، توقماق ئىدىم، پەملەندىم (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۆزلەشمەك، ماسلاشماق، كۆنمەك، سىڭىشمەك:[مىسال:] تۆتىنچى يىلغا بارغاندا كۆچەتلەر ھاۋا، تۇپراققا ماسلىشىپ يەرلىنىۋالىدۇ-دە، يىلتىزلىرى يەر قاتلاملىرىغا چوڭقۇرلاپ، يەر ئاستىدىكى نەملىكتىن پايدىلىنالايدۇ.

يەرلىكⅠ

  • يەرلىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېرى بار، يەرگە ئىگە. [يەشمىسى:] ② شۇ يەردىكى، شۇ يەردە قوللىنىلىدىغان:[مىسال:] يەرلىك خەلق. يەرلىك ئۇسسۇل. يەرلىك سۆز.

يەرلىك ۋاقىت

  • يەرلىك ۋاقىت[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئۇزۇنلۇق گرادۇسى ئوخشىمىغانلىقتىن، قۇياشنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلار مېرىدىئانىدىن ئۆتۈش ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدۇ. قۇياشنىڭ مەلۇم ئورۇن مېرىدىئانى ئۈستىگە نەق كەلگەن ۋاقتىنى شۇ ئورۇننىڭ چۈش ۋاقتى سائەت 12 دەپ بەلگىلىنىدۇ. مانا شۇنداق بېكىتىلگەن ۋاقىت يەرلىك ۋاقىت دەپ ئاتىلىدۇ.

يەرلىك ئىقلىم

  • يەرلىك ئىقلىم[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] قىسمەن رايون ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئىقلىم. مەسىلەن، ئورمان ئىقلىمى، ۋادا ئىقلىمى، شەھەر ئىقلىمى قاتارلىقلار.

يەرلىكⅡ

  • يەرلىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆلگەن ئادەمنى كۆمۈش ئۈچۈن تەييارلانغان جاي؛ گۆر:[مىسال:] يەرلىك كولىماق. يەرلىكىدە قويماق.

يەرلىك-سۇلۇق

  • يەرلىك-سۇلۇق[يەشمىسى:] يەر ۋە سۇغا ئىگە، مەنقۇلاتى بار.

يەرلىكلەشتۈرمەك

  • يەرلىكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «يەرلىكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يەرلىكلەشتۈرۈلمەك

  • يەرلىكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يەرلىكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] 1960-يىللاردىن باشلاپ، يېڭى ئالما سورتلىرى ئىلى رايونىغا يەرلىكلەشتۈرۈلدى.

يەرلىكلەشمەك

  • يەرلىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يەرلەشمەك، يەرلىككە ئايلانماق، ماكانلاشماق، ئولتۇراقلاشماق:[مىسال:] ئۇلار شۇ بارغانچە چاڭئەندە ئولتۇراقلىشىپ، چاڭئەنگە يەرلىكلىشىپ قالغان.

يەرمەنكە

  • يەرمەنكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] يىلنىڭ مەلۇم بىر ۋاقتىدا، بەلگىلىك جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەخسۇس تىجارەت ئورنى؛ سودا بازىرى:[مىسال:] سانائەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى. يەرلىك مەھسۇلاتلار يەرمەنكىسى. * ئۇ بەش ئۆلكىنىڭ ھەممە سايلاملىرىغا باراتتى، چوڭ يەرمەنكىلەرگىمۇ باراتتى.

يەر-مۈلۈك

  • يەر-مۈلۈك[يەشمىسى:] يەر ۋە مۈلۈك، بارلىق مەنقۇلات:[مىسال:] ئۇ مۇسادىرە قىلىنغاندىن كېيىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان ئاقسۆڭەكلەر ۋە دىنىي جەمئىيەتنىڭ يەر-مۈلكىدىن پايدىلىنىپ ھايانكەشلىك قىلدى.

يەرۇجاھان

  • يەرۇجاھان[يەشمىسى:] يەر ۋە جاھان، پۈتۈن ئالەم، كائىنات:[مىسال:] پەن ئىكەن ئېسىل قورال مەڭگۈگە ئۆلمەيدىغان، يوق ئىكەن ئىش قىلغىلى بولمايدىغان، پەن بىلەن گۈللەيدىكەن جىمىكى يەرۇجاھان.

يەرۇكۆك

  • يەرۇكۆك[يەشمىسى:] يەر ۋە كۆك، ئاسمان ۋە زېمىن، پۈتۈن ئالەم، كائىنات:[مىسال:] ئاھ، مەرھەمەتلىك تەڭرى سېنىڭ ئىختىيارىڭدىكى يەرۇكۆك ئەجەبا قان رەڭگىدىن قىزىرىپ كەتكەن بولسا ئاھ، قادىرخۇدا، نېمە كېرىكى بار ساڭا شۇنچە قاننىڭ ھەتتا لەۋلىرىڭمۇ قانغا بويالغان

يەريولۋىسى

  • يەريولۋىسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يەر+يولۋاس+ى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات، يەنى پەرۋانىنىڭ لىچىنكىسى، شەكلى پىلە قۇرتىغا ئوخشايدۇ، تۇپراقتا ياشايدۇ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، زىرائەتلەرنىڭ يىلتىزى ۋە يۇمران مايسىلىرىنى يەيدۇ. ئاساسلىقى كېۋەزگە زىيان سالىدۇ.

يەسلى

  • يەسلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كىچىك بالىلارنى باقىدىغان، تەربىيىلەيدىغان ئورۇن:[مىسال:] بۇ قىزنى ئەلادىن تارتىۋېلىپ بالىلار يەسلىسىگە بېرىش كېرەك.

يەسىمەن

  • يەسىمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كەركىدانگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. گۈلىنى ئىسلاش ئارقىلىق چاي ئىشلەشكە بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

يەشتۈرمەك

  • يەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «يەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يىگىت ئۇلارغا يولۋاسنىڭ، بۆرىنىڭ باشلىرىنى ساناپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئىككىسىنىڭ يامپىشىغا «پادىچى» دېگەن تامغىسىنى بېسىپ، قويۇپ بېرىپتۇ.

يەشكۈچ

  • يەشكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارغامچا ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ تۈگۈچلىرىنى يېشىدىغان نەرسە.

يەشمەⅠ

  • يەشمەⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈتۈن تەپسىلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەتراپلىق بايان قىلىنغان، يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەن:[مىسال:] يەشمە خۇلاسە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەن قىسمى، ئىزاھ، چۈشەندۈرمە ياكى يېشىپ كۆرسىتىلىش:[مىسال:] نەزمىنىڭ يەشمىسى.

يەشمەⅡ

  • يەشمەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. كىرىمنىيلىق ماددىلارنىڭ چۆكۈشى ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. رەڭگى كۆك، بىنەپشە قىزىل، ياپيېشىل ھەمدە رەڭگارەڭ بولىدۇ. ئادەتتە قاشتېشى ئويمىچىلىقىدا ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

يەشمەك

  • يەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تېڭىقنى، چىگىلگەن چىگىشنى، بوغۇلغان يەرنى بوشاتماق، تۈگۈچنى چۇۋۇماق، باغلاقنى بوشاتماق:[مىسال:] قولنى يەشمەك. ئارغامچىنى يەشمەك.[يەشمىسى:] ② سالماق، سېلىپ تاشلىماق (كىيىم-كېچەك ھەققىدە):[مىسال:] كىيىمنى يەشمەك.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشنى، مەسىلىنى، ۋەقەنى چۈشەندۈرمەك، بىلدۈرمەك، ئىسپاتلىماق، ئۇقتۇرماق:[مىسال:] ئۇ ماڭا يەنە ناۋايى، شىرازى شېئىرلىرىنى ئوقۇپ يېشىپ بېرەتتى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ئىش، مەسىلە ياكى ۋەقەنى ھەل قىلماق، ئېنىقلىماق، ئايدىڭلاشتۇرماق، ئاشكارىلىماق، ئاچماق:[مىسال:] تەقسىر، مالال كۆرمەي، سىلى مېنىڭ ئورنۇمغا كېلىپ تۇرسىلا. مەن سىلىنىڭ ئورۇنلىرىغا ئۆتۈپ، بۇ قىيىن مەسىلىنى يېشەي، دەپ تەلەپ قىلىپتۇ موللام.

يەشىك

  • يەشىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] نەرسە سېلىش، ساقلاش ئۈچۈن ياغاچ ياكى قاتۇرما قەغەزدىن ياسالغان تۆت بۇرجەك بۇيۇم، ساندۇق:[مىسال:] تۆت يەشىك ئالما. ئىككى يەشىك ئامۇت. * جامالىدىن ئۇچرىغان نېمىلەرنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ ئاختۇرۇشقا كىرىشتى ۋە ئاخىرى كارىۋات ئاستىدىن ئېغىر بىر يەشىكنى تارتىپ چىقاردى.

يەك

  • يەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يالغۇز، تەنھا، يېگانە، بىر:[مىسال:] يەك نەپەس.

يەكپاي

  • يەكپاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جۈپى يوق، جۈپى ئەمەس، باشقا-باشقا پاي؛ سىڭار پاي، بىر پاي:[مىسال:] يەكپاي ئاياغ. يەكپاي كەش.

يەكتا

  • يەكتا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تەڭدىشى يوق، مىسلى كۆرۈلمىگەن، يەككە، يېگانە:[مىسال:] مىرغىزارلىق باغ ئارامدا، بىر گۈلى رەنا ئىدىڭ. بۇ جاھاننىڭ سەھنىسىدە، گۆھىرى يەكتا ئىدىڭ.

يەكتەك

  • يەكتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پەرىجىگە ئوخشاش ئالدى ئوچۇق، ياقىسىز تىكىلىدىغان ئەستەرسىز يالاڭ سىرتقى كىيىم:[مىسال:] شايى يەكتەك. يەكتەك كىيمەك. * قوللىرىنى ئاستا كۆتۈرگىلى تۇرغان «ئىمام» تۇيۇقسىزلا باتۇرخاننىڭ قورسىقىغا ئۇرۇپ يىقىتتى ۋە يەكتىكىنى ييېشىپ تاشلاپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى.

يەكتىز

  • يەكتىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]يەك+تىز[[يەشمىسى:] بىر پۇتىنى ئاستىغا باستۇرۇپ ئولتۇرۇش ھالىتى، سىڭارتىز:[مىسال:] يەكتىز بولماق. يەكتىز ئولتۇرماق. * ئەشرەپ بوۋاي بىر پۇتىنى ئاستىغا باستۇرۇپ يەكتىز بولۇپ ئولتۇردى.

يەكتىزلەنمەك

  • يەكتىزلەنمەك[يەشمىسى:] بىر پۇتنى قوڭنىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ ئولتۇرماق، سىڭار تىزى بىلەن ئولتۇرماق.

يەكچەشمە

  • يەكچەشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىر كۆزلۈك، بىر كۆزى كۆرمەيدىغان:[مىسال:] يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەپسانىلەردىكى ئىككى قېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆزى بار كىشىلەر:[مىسال:] بۇ شەھەرگە ئىككى يىل ئىلگىرى يەتتە دانە يەكچەشمە كېلىپ شەھەرنى خانىۋەيران قىپتۇ.

يەكدىل

  • يەكدىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پىكرى، مەقسەت-مۇددىئاسى بىر، بىر نىيەت:[مىسال:] شۇ كۈن ئاڭلاپ خەۋەرنى لەيلىمۇ تەڭ، پىسەنت قىلماي چولاققا سىلكىتىپ يەڭ، نىسايىم ھەمدە پاتەم بىرلە يەكدىل، ئورۇن ئالدى قاتار سەپ ئىچرە ئەپچىل.

يەكدىللىق

  • يەكدىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىش قىلىش ئادىتى:[مىسال:] شۇ سۆزنى پىچىرلاپ قايتتى كۈتكۈچى، مەن بىلدىم تاماقنىڭ، ئىشنىڭ تېگىنى. مەن بىلدىم، دەرد تارتقان بارچە كىشىنىڭ نىجاتلىق يولىدا يەكدىللىقىنى.

يەكسان

  • يەكسان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تۈز، تەڭ، باراۋەر، بىر خىل:[مىسال:] يەكسان بولماق. يەكسان قىلماق. يەكسان ئەيلىمەك.

يەكشا

  • يەكشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇددا دىنىدىكى ئالۋاستى.

يەكشەنبە

  • يەكشەنبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھەپتىنىڭ شەنبىدىن كېيىن، دۈشەنبىدىن ئىلگىرىكى دەم ئېلىش كۈنى:[مىسال:] ئەركىن يەكشەنبە كۈنى سەھەردە يولغا چىقتى.

يەكشەنبىلىك

  • يەكشەنبىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان:[مىسال:] ئۇلار ئۇزۇن پاراڭلىشىپ بولغاندىن كېيىن يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن لۇتپۇللا ئۆز دوستلىرىنى باغ سەيلىسىگە باشلاپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ② يەكشەنبە مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە بېرىدىغان خىراجەت، پۇل:[مىسال:] نېمە يەكشەنبىلىك ئۈلۈشكۈنكى ئون يۈەن قېنى دېدى ئانىسى ئوغلىغا چەكچىيىپ.

يەككە

  • يەككە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تەنھا، يالغۇز، يېگانە:[مىسال:] يەككە ماتېرىيال. يەككە ئوبيېكت. * مۇسا راستتىنلا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە مۇسا بىلەن يەككە پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارغا قوشۇلماي، بىرلەشمەي ئىشلەيدىغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشايدىغان:[مىسال:] يەككە تىجارەتچى. يەككە ئىگىلىك. * مەن بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇنمۇ پىلە باققان، ئۇ چاغدا بىز يەككە ئىدۇق.

يەككە-يېگانە

  • يەككە-يېگانە[يەشمىسى:] باشقىلارغا قوشۇلماي، بىرلەشمەي، تەنھا، يالغۇز، يەككە ۋە يېگانە:[مىسال:] ھاۋاز «پوم» كۆز يېتىم يەردە يەككە-يېگانە چوقچىيىپ تۇرغان ئۆز ئۆيى — قاپاق تېرەكلىك ھويلىنى كۆرگەندە، كۆڭلى بىرقىسىملا بولۇپ قالدى.

يەككىلەنمەك

  • يەككىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يەككىلىك، يالغۇزلۇق ھېس قىلماق.

يەككىلىك

  • يەككىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا قوشۇلماي، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆرۈش ئادىتى:[مىسال:] بىلەمسەن، توختىئاخۇن، پۈتكۈل ئۆي ئىچى، باي بولۇش كويىغا چۈشكەن ئائىلە. ئالدىراپ شامالنى ئەتمەستىن پەرق، يەككىلىك يولىغا كۆچكەن ئائىلە.

يەكلەشمەك

  • يەكلەشمەك[يەشمىسى:] «يەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يەكلەنمەك

  • يەكلەنمەك[يەشمىسى:] «يەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خەن خانىدانلىقىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ياۋچىلار ھونلار تەرىپىدىن يەكلىنىپ غەربكە ھەيدەلگەن.

يەكلىمەك

  • يەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يات كۆرمەك، چەتكە قاقماق، كەمسىتمەك:[مىسال:] ئېرى يەكلىگەننى ئېلى يەكلەر(ماقال).

يەكلىمىچىلىك

  • يەكلىمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەكلەش خاھىشى، يەكلەش ئىستىلى، يەكلەش ئىشى:[مىسال:] بۇ تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى ۋە يىخېتۇەن ھەرىكىتى قاتارلىق تومتاق يەكلىمىچىلىك كۈرەشلىرىدە ئىپادىلەندى.

يەكمۇيەك

  • يەكمۇيەك[يەشمىسى:] ئايرىم-ئايرىم، بىرمۇبىر:[مىسال:] يەكمۇيەك ئېلىشماق.

يەكۈن

  • يەكۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە، ئىش ياكى نەرسە ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن پىكىر، مۇلاھىزىنىڭ مەنتىقىي نەتىجىسى؛ خۇلاسە، نەتىجە:[مىسال:] يەكۈن چىقارماق.

يەكۈنلەتمەك

  • يەكۈنلەتمەك[يەشمىسى:] «يەكۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يەكۈنلەشمەك

  • يەكۈنلەشمەك[يەشمىسى:] «يەكۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. ]

يەكۈنلەنمەك

  • يەكۈنلەنمەك[يەشمىسى:] «يەكۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مۇنداق تالاش-تارتىش بەزىدە يېرىم كېچىگىچە سوزۇلۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تۇرسۇنئاخۇن تەرىپىدىن يەكۈنلىنەتتى.

يەكۈنلىمەك

  • يەكۈنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە، ئىش ياكى نەرسە ھەققىدە خۇلاسە، نەتىجە، يەكۈن چىقارماق:[مىسال:] بۇ سۆز ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، كۆڭلىنى بىردىنلا يورۇتۇۋەتتى.

يەڭ

  • يەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىمنىڭ قولغا ساپىدىغان قىسمى:[مىسال:] يەڭ قوندۇرماق. يەڭ تۈرمەك. * ئۇ ئىككى قولىنى نەگە قويۇشنى نەگە يوشۇرۇشنى بىلمەي، بىردە ئارقىسىغا، بىردە يانچۇقىغا ۋە تۇرۇپلا يېڭىگە تىقاتتى.

يەڭ سودىسى

  • يەڭ سودىسى[يەشمىسى:] ① سودىدا ئىككى كىشى قولىنى بىرسىنىڭ يېڭىنىڭ ئىچىگە تىقىپ بارماق ئىماسى بىلەن تالىشىش ئۇسۇلى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوشۇرۇن، خۇپىيانە، مەخپىي ئىش-ھەرىكەت، مەخپىي مەسلىھەت:[مىسال:] يەڭ سودىسى دېدى ئۇ قولىدىكى تامغىلىق خەتنى مىجىقلاپ ۋە ئالدىراپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى.

يەڭ ئىچىدە كېلىشمەك

  • يەڭ ئىچىدە كېلىشمەك[يەشمىسى:] يوشۇرۇن، خۇپىيانە، مەخپىي پۈتۈشمەك، بىرلىككە كەلمەك:[مىسال:] چوڭ ئەترەت باشلىقى ھەم سېكرىتارنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان يەر سانىنى يوشۇرۇپ يەڭ ئىچىدە كېلىشىۋېلىشى ئۇلارنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

يەڭ ئىچىدە سودىلاشماق

  • يەڭ ئىچىدە سودىلاشماق[يەشمىسى:] يوشۇرۇن، خۇپىيانە، مەخپىي ئىش قىلماق:[مىسال:] ئۇلار شەھەرگە كىرىپ يەڭ ئىچىدە سودىلاشتى.

يەڭدىمەك

  • يەڭدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر تەرەپكە ئاغماق، ساڭگىلىماق؛ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتماق:[مىسال:] ئەگەر شۇ چاغدا خۇرجۇننىڭ بىر بېشى ئېغىر، بىر بېشى يېنىك بولۇپ يەڭدەپ كەتمىگەن بولسا، بۇ يامبۇلارنى تېرىۋالمىغان بولاتتىم.[يەشمىسى:] ② يەڭنىڭ ئۇچى بىلەن قوشۇپ تۇتماق، يەڭنىڭ ئۇچى بىلەن قوشۇپ ئالماق:[مىسال:] يەڭ بىلەن يەڭدەپ چىنە، تۇتقىلى بولماسمىدى، بۇ كۆڭۈل كەتسە ئۆلۈپ، ياساتقىلى بولماسمىدى.

يەڭڭە

  • يەڭڭە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇكا ۋە سىڭىلغا نىسبەتەن ئاكىنىڭ ئايالى:[مىسال:] چوڭ يەڭگە. كىچىك يەڭگە.[يەشمىسى:] ② توي ئاخشىمى كېلىن بىلەن يىگىتنى ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قوشۇپ قويىدىغان ئايال:[مىسال:] يەڭگە بولماق. توي يەڭگىسى.

يەڭگۈشلەتمەك

  • يەڭگۈشلەتمەك[يەشمىسى:] «يەڭگۈشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] زەرگەر ئەلى ئىبنى بەككارنى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزغاندىن كېيىن، يەنە بىرنەچچە قەدەم ماڭغۇزۇپتۇ. كېيىن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يەڭگۈشلىتىپتۇ.

يەڭگۈشلەشمەك

  • يەڭگۈشلەشمەك[يەشمىسى:] «يەڭگۈشلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار سارايدىن بىر ئۆينى كۆتۈرىگە ئېلىپ، كەچلىك تاماق يېيىشكەندىن كېيىن، ئادانى يۈك-تاقلارغا قاراشقا قالدۇرۇپ قويۇپ ھەممەيلەن موڭغۇلچە كىيىم يەڭگۈشلەشتى.

يەڭگۈشلەنمەك

  • يەڭگۈشلەنمەك[يەشمىسى:] «يەڭگۈشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتابېكتىكى بايىقى چۈشەنمەسلىك بىر گۇمانغا يەڭگۈشلەندى.

يەڭگۈشلىمەك

  • يەڭگۈشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئالماشتۇرماق، تېگىشمەك، يۆتكىمەك:[مىسال:] ئۇ قايتىپ ياتىقىغا باردى-دە، كىيىم-كېچىكىنى يەڭگۈشلىدى. * بۈگۈن ئۇ «بۇرۇت» نىڭ بۇيرۇقى بويىچە ۋالىك يەڭگۈشلەۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆزگەرتمەك، يېڭىلىماق، ئالماشتۇرماق:[مىسال:] ئاشپەز ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن كەچتە ئۇلارنىڭ تامىقىنى يەڭگۈشلەش مۇمكىن بولماي، ئۇلارغا يەنىلا چۈشتە ئەكىرگەن تاماقلاردىن ئەكىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ.

يەڭگىتمەك

  • يەڭگىتمەك[يەشمىسى:] «يەڭگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەمشەرىخان ئاچا ئىككى يىل ئىچىدە رايون بويىچە يۈزدىن ئارتۇق ئايالنىڭ تۇغۇتىنى قوبۇل قىلىپ، سالامەت يەڭگىتتى.

يەڭگىل

  • يەڭگىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېنىك:[مىسال:] تۆردە ئولتۇرغان قىلىچ بىلەن قۇندۇزمۇ سازچىلارغا يەڭگىل تەزىم قىلدى. * رەھمەتجان يەڭگىل تىن ئالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مىجەزى ئىتتىك، قىزىققان؛ ئالدىراڭغۇ.

يەڭگىلتەك

  • يەڭگىلتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا مەيدانى قەتئىي ئەمەس، تۇتامى يوق، ئالدىراڭغۇ:[مىسال:] مەن شۇ تاپتا بىر ھېكايىدىكى تۇتۇرۇقسىز، يەڭگىلتەك ۋە بەكلا سۈنئىي يارىتىلغان بىر ناچار پېرسوناژنى كۆرۈۋاتاتتىم.

يەڭگىلتەكلىك

  • يەڭگىلتەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەيدانسىز، تۇتامسىز خۇي، مىجەز، ئالدىراڭغۇلۇق:[مىسال:] سەن خوتۇنلارنىڭ يەڭگىلتەكلىكىنى قىلما، مېنىڭ سوئاللىرىمغا ياخشى جاۋاب بەرسەڭ، ياخشى كۈن كۆرىسەن، بەلكى يۇرتۇڭغىمۇ قايتىشىڭ مۇمكىن.

يەڭگىللەتمەك

  • يەڭگىللەتمەك[يەشمىسى:] «يەڭگىللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر مېھرىبان ئايال ئۆز قەدىردانىنىڭ ئازابىنى يەڭگىللەتكەندە، ئۇنى يېڭى ھاياتقا ئىگە قىلغاندا، قانداقمۇ شادلانماي تۇرالىسۇن كۆزىگە قانداقمۇ ئۇيقۇ كەلسۇن

يەڭگىللەشتۈرمەك

  • يەڭگىللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «يەڭگىللەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېرپاننىڭ «شەيدۇللا»دىن ئەۋەتكەن خالىسانە ياردىمىمۇ ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇق يۈكىنى خېلى دەرىجىدە يەڭگىللەشتۈرگەنىدى.

يەڭگىللەشتۈرۈلمەك

  • يەڭگىللەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يەڭگىللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يەڭگىللەشمەك

  • يەڭگىللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «يەڭگىللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قانداق ئاغىنىلەر، خېلى يەڭگىللىشىپ قالغانسىلەر، ھە، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ② يەڭگىل بولۇپ قالماق، يەڭگىل ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] دېھقان ئۆز دەردىنى تۆكۈپ بولۇپ، بىرئاز يەڭگىللەشكەندەك ئورنىدىن تۇردى ۋە بۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىگە كەتتى.

يەڭگىللىتىلمەك

  • يەڭگىللىتىلمەك[يەشمىسى:] «يەڭگىللەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قارارنىڭ ھازىرقى بۇ لايىھىسىدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىكىگە قارىغاندا كۆپ سىلىق، تېخىمۇ يۇمشاق بولدى، سۆزلەرنىڭ سالمىقىمۇ ئاز-تولا يەڭگىللىتىلدى.

يەڭگىللىك

  • يەڭگىللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سالمىقى يوق، يېنىك ھالەت:[مىسال:] بۇنىڭ يەڭگىللىك دەرىجىسى ئاليۇمىندىن قېلىشمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېنىكلىك، ئالدىراڭغۇلۇق:[مىسال:] ئۇلار ئىدىيە جەھەتتە سەزگۈر، بىرەر ئىشقا يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. * گېزىتمۇ ناھايىتى يەڭگىللىك بىلەن ئۇلارغا ئورۇن بېرىۋاتىدۇ.

يەڭگىللىمەك

  • يەڭگىللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېغىرلىقى تۆۋەنلىمەك، يەڭگىل ھالەتكە كەلمەك.[يەشمىسى:] ② جىسمانىي، روھىي جەھەتتە تېتىكلەشمەك، يېنىكلەشمەك:[مىسال:] قىز خىيالىدىن نەتىجە چىقارغاندەك چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ يەڭگىللىدى ۋە چىرايى ئېچىلدى.[يەشمىسى:] ③ ئازايماق، قىسقارماق:[مىسال:] مەن تېخى تەكشۈرۈش ئۈستىدىكى ئادەم، گۇناھىم يەڭگىللىسىلا بولدى.

يەڭگىلىك

  • يەڭگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يەڭگە بولۇش ئىشى، ۋەزىپىسى:[مىسال:] مەن بۈگۈن يەڭگىلىك قىلىدىكەنمەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىدىن چوڭلارنى باشقۇرىدىغان خاھىش؛ چوڭچىلىق، ئاقساقاللىق:[مىسال:] يەڭگىلىك قىلماق.

يەڭگىمەك

  • يەڭگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزى يورۇماق، بوشانماق، تۇغماق:[مىسال:] تاجىخان يەڭگىپ بىرقانچە كۈنگىچە بىرەر قېتىممۇ ئىسسىق تاماق ئىچمىگەچكە، كۆكسىگە سۈت كەلمىدى.

يەڭلىغ

  • يەڭلىغ[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ «-دەك/-تەك، ... غا ئوخشاش»، «كەبى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەگەر سەن دائىما نەپسىڭ كويىدا چوت سوقار بولساڭ، بۇ يەڭلىغ قىلمىشىڭ ھەر چاغ — سېنى، ئەل-يۇرتنى بۇلغايدۇ.

يەڭلىك

  • يەڭلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېڭى بار، يەڭ ئورنىتىلغان، يېڭى ئۇزۇن:[مىسال:] ئۇسسۇلچى قىز يەڭلىك شايى كۆڭلەك كىيىپ، بىلىكىگە كۈمۈش گۈللۈك نەقىش كەمەر تاقىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نان يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قول قاپ؛ رېپىدە:[مىسال:] يەڭلىك تىكمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىش ۋاقتىدا كىيىمنى ئاسراش ئۈچۈن قولنىڭ جەينىكىگىچە تاقىۋالىدىغان خالتىسىمان بۇيۇم:[مىسال:] يەڭلىك تارتماق.

يەڭمەك

  • يەڭمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچ سىنىشىش، مۇسابىقە، ھەر خىل پائالىيەتلەردە قارشى تەرەپتىن ئۈستۈن كەلمەك، غەلىبە قىلماق؛ ئۇتماق، مات قىلماق:[مىسال:] مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر (ماقال). * يولنى يۈرگەن يېڭىدۇ (ماقال). * كىشىلەر «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېيىشىدىكەن.

يەل

  • يەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھاۋانىڭ يەر يۈزىنى بويلاپ ئېقىشى، ھاۋانىڭ ئاقما ھەرىكىتى؛ شامال:[مىسال:] تەبىئەت ھۆسنىگە مەست بولۇپ كېپىنەك، ئۇچاتتى بىر ئېگىز، بىر پەستە يەلدەك.[يەشمىسى:] ② بەدەندىكى ھاۋا:[مىسال:] يەل تۇرۇپ قالماق. * چېچەكنىڭ ئېتى يامان، قىزىلنىڭ يېلى يامان (ماقال).[يەشمىسى:] ③ نەپەس، ھور:[مىسال:] شېئىر ئۇ، ئىنسانلار قەلبىنىڭ گۈلى، گۈلگە جان، رەڭ بەرگەن شائىرنىڭ تىلى. تىل بىلەن دىل ئوخشاش بولمىسا ئەگەر، كۈي ئەمەس چىققىنى ئېغىزنىڭ يېلى.

يەل بەرمەك

  • يەل بەرمەك[يەشمىسى:] بىرەر ياخشى، يامان ئىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بەرمەك ياكى قۇتراتماق:[مىسال:] ھېلىم روسۇلنىڭ لىڭتاسما بولۇپ تۇرۇۋاتقانىنى بايقىدى-دە، ئۇنىڭغا، نېمىدىن قورقىسەن ھۆكۈمەت بانكىسىنى ئوغرىلاۋاتقىنىڭ يوق، ياكى بىراۋنىڭ تېمىنى تېشىۋاتقىنىڭ يوق، دەپ يەل بەردى.

يەل تاپان

  • يەل تاپان[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① ئايىغى ئىتتىك، بىر جايدا جىم تۇرامايدىغان، ھەرىكىتى تېز:[مىسال:] ئۇ بەك چاققان نەرسە، شۇڭا ئۇ يەل تاپان قارى دەپ نام ئالغان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆزئارا نىسبىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى جىسىمنىڭ تېگىشىش يۈزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا گاز توشقۇزۇپ، ئۇلارنى بىۋاسىتە تېگىشمەيدىغان قىلىش ئارقىلىق سۈركىلىشنى بىر خىل قۇرۇلما. تېخنىكا ۋە مېخانىكا تەجرىبىلىرىدە كۆپ قوللىنىلىدۇ.

يەل كىندىك

  • يەل كىندىك[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] كىندىك پۇلتىيىپ چىقىپ قالىدىغان بىر خىل كېسەللىك. كۆپىنچە بوۋاق بالىلارنىڭ كۆپ يىغلاش ۋە چىڭقىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

يېلى چىقىپ كەتمەك

  • يېلى چىقىپ كەتمەك[يەشمىسى:] ئىرادە-ئىشەنچنى، غەيرىتىنى يوقاتماق، بوشىشىپ كەتمەك، روھسىزلانماق:[مىسال:] قوي سېنى، ئىككى رومكا ئىچە-ئىچمەيلا يېلىڭ چىققىلى تۇردى، ھېچقانچە ھاراق كۆتۈرەلمەيدىكەنسەن دېدى ئۇ.

يەلپۈتمەك

  • يەلپۈتمەك[يەشمىسى:] «يەلپۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر توپ قاناتلىق قىزلار ئۇزۇن قىزىل-يېشىل دۇردۇنلارنى يەلپۈتۈپ، بوغدا چوققىلىرىغا قاراپ ئۇچاتتى.

يەلپۈشمەك

  • يەلپۈشمەك[يەشمىسى:] «يەلپۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئېگىز ئايۋان ئالدىغا چەللە-باراڭ قىلىنغان، باراڭلىقنىڭ ئاستىغا كۆرپە-گىلەم سېلىنغان، ياتار ئىدى ھاۋاز بەگ چار پاقىدەك سوزۇلۇپ، يەلپۈشەتتى خېنىملار چۆرىسىدە تولغىنىپ.

يەلپۈگۈچ

  • يەلپۈگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسسىق كۈنلەردە سەگىش، شامالداش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ پەيلىرىدىن ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان، قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ شامال چىقىرىدىغان بىر خىل سايمان:[مىسال:] دەل شۇچاغدا ئۇزۇن چاپان كىيگەن، يەلپۈگۈچ تۇتقان ئۈچ ئادەمنىڭ دۇكان ئالدىغا كېلىشى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.

يەلپۈلدەتمەك

  • يەلپۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «يەلپۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئالتە قىز ئېگىز كۆتۈرگەن قوللىرىدا ھەر رەڭدىكى نېپىز رەختلەرنىڭ بۇرجىگىدىن تۇتۇپ، يەلپۈلدىتىپ شوخ ئاياغ ئويۇنلىرىنى ئويناپ ئۆتىدۇ.

يەلپۈلدەشمەك

  • يەلپۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «يەلپۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەيداندا قىزىل بايراقلار يەلپۈلدىشەتتى.

يەلپۈلدىمەك

  • يەلپۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەر تەرەپكە ئىرغاڭلىماق، لەپەڭشىمەك، لەپىلدىمەك؛ جەۋلان قىلماق:[مىسال:] مەيداندىكى خەلق ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن تۇغقا قارىشاتتى. تۇغ مۇنار ئۇچىدا يەلپۈلدىدى.

يەلپۈمەك

  • يەلپۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇپقا، ياپىلاق نەرسىلەرنى ئۇ تەرەپ بۇ تەرەپكە ھەرىكەتلەندۈرمەك؛ يەلپۈگۈچنى ئۇ تەرەپ بۇ تەرەپكە ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق سالقىن شامال پەيدا قىلماق:[مىسال:] تاڭ ئۆزىنىڭ مەيىن شامىلى بىلەن ئۇنىڭ چاچلىرىنى يەلپۈپ، يۈزلىرىدىن سۆيۈپ ئۆتەتتى.

يەلپۈنمەك

  • يەلپۈنمەك[يەشمىسى:] «يەلپۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ پېشانىسىگە چۈشۈپ تۇرغان چاچلىرى سەھەرنىڭ سوغۇق شامىلىدا يەلپۈنەتتى.

يەلتاشما

  • يەلتاشما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يەل+تاشما[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل تېرە كېسىلى. بۇنىڭدا قىسمەن جاينىڭ تېرىسىدە توساتتىن قىزىل قاپارتقۇلار پەيدا بولۇپ، قىچىشىدۇ، يېنىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ، ھېچقانداق ئىز قالمايدۇ. ئادەتتە پات-پات قوزغىلىپ تۇرىدۇ. دورا، پارازىت قۇرت، قان زەردابى، باكتېرىيىلەر بىلەن ياللۇغلىنىش، غىدىقلاش كۈچى كۈچلۈك بولغان ماددىلارغا، سوغۇققا ۋە ئىسسىققا يولۇقۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەلكە

  • يەلكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بويۇننىڭ ئارقا قىسمى؛ مۈرە، ئۆشنە:[مىسال:] يەلكىگە ئالماق. * قاسىم جىسا شۇ گەپنى ئېيتىپ تۇرۇپ لەيلىگۈلنىڭ يەلكىسىدە يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرىدىن تۇتتى ۋە ئىككىنچى قولى بىلەن ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدى.

يەلكەن

  • يەلكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شامال كۈچىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كېمە خادىسىغا ئورنىتىلغان شامال توسقۇچى لاتا:[مىسال:] يەلكەن چىقارماق. يەلكەن ئورناتماق.

يەلكەنلىك

  • يەلكەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەلكىنى بار، يەلكەن ئورنىتىلغان:[مىسال:] يەلكەنلىك كېمە.

يەلكۇ

  • يەلكۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇ يىغىلغان، زەردابلاشقان، دائىم قاناپ تۇرىدىغان، زېدىلەنگەن:[مىسال:] يەلكۇ كالپۇك.

يەلكىلىك

  • يەلكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەلكىسى يوغان، يەلكىسى كېلىشكەن:[مىسال:] ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغاندا، مۇسانىڭ كەڭ يەلكىلىك گەۋدىسى ئاللىقاچان كۆزدىن غايىب بولغانىدى.

يەللىك

  • يەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېلى بار، يېلى كۆپ:[مىسال:] يەللىك تائام.[يەشمىسى:] ② يەل قاچىلانغان:[مىسال:] يەللىك ئەسۋابلار. يەللىك چالغۇ.

يەليارا

  • يەليارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يەل+يارا[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] توقۇلمىلار چىرىپ ئۆلۈشىنىڭ بىر خىل تۈرى، ئادەتتە چوڭ بىر پارچە توقۇلمىنىڭ قان «ئوزۇقلۇق» بىلەن تەمىنلىنىشى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئاندىن باكتېرىيە كىرىپ چىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يەل-يېمىش

  • يەل-يېمىش[يەشمىسى:] ھۆل ۋە قۇرۇتۇلغان مېۋە؛ مېۋە-چېۋە:[مىسال:] يەل-يېمىش ساتماق. * ئوغلىمىز ئىمتىھاندىن ئەلا دەرىجىدە ئۆتكەن بىلەنمۇ، جاپپارنىڭ شۇ بىر تاغار يەل-يېمىشى بېسىپ چۈشمىگىنىنى كۆرۈپ باقاي.

يەم

  • يەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئات-ئۇلاغلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئوزۇقلۇق؛ بوغۇز:[مىسال:] يەم بەرمەك. * يەرنىڭ يېمى ئوغۇت، ئانىنىڭ غېمى تۇغۇت (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق؛ دان:[مىسال:] قۇشنى يەم بىلەن ئالدايدۇ، كىشىنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ (ماقال).

يەم بولماق

  • يەم بولماق[يەشمىسى:] ① ئۇچار قانات، ھايۋاناتقا ئوزۇق بولماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىركىم ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ۋەيران قىلىشىغا، يۇتۇۋېلىشىغا، خاراب قىلىپ ئىگىلىۋېلىشىغا ئۇچرىماق ياكى شۇ تۈپەيلى ۋەيران بولماق، يوق بولماق:[مىسال:] بىرنەچچە يۈز توما تاقاق ھەش-پەش دېگۈچە ۋەيران بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى ھېسابسىز تېرىلغۇ يەر كەلكۈنگە يەم بولدى.

يەم قىلماق

  • يەم قىلماق[يەشمىسى:] ① ئۇچارقانات، ھايۋانلارغا ئوزۇق قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوقاتماق، ۋەيران قىلماق، تۈگەتمەك:[مىسال:] بولسا ئالەم بىر مېنىڭلا چاڭگىلىمدا دېمىگىن، ياخشىلارنى يەم قىلاي ھەر چاققىنىمدا دېمىگىن.

يەمەك

  • يەمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ Ⅺ ئەسىردىكى قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

يەمەن

  • يەمەن[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەمەن جۇمھۇرىيىتى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مەيدانى 531مىڭ 869 كۇۋادىرات كېلومېتىر. ئاھالىس ئىچىدە ئەرەبلەر %90تىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە سومالىلىقلار، سودانلىقلار، ھېندىستانلىقلار، بېنگاللىقلار، پاكىستانلىقلار، ئىرانلىقلار ۋە يەرھۇدىلار بار. دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، قىسمەن رايونلىرىدا ئېىگلىز تىلى قوللىنىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ %5.99تى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شىئەلەر %47تىنى، سۈننىيلەر %5تىنى تەشكىل قىلىدۇ.

  • يەمەن 3000 يىللىق يېزىقلىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ، مىلادى Ⅶ ئەسىردىن كېيىن يات مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ كەلگەن. 1918-يىلى يەمەننىڭ شىمالىي قىسمى تۈركىينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قوتۇلۇپ، 1962-يىلى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى قۇرغان. 1965-يىلى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. جەنۇبىي يەمەن 1967-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، شۇ يىلى يەمەن خەلق جۇمھۇرىيىتى (سوتسىيالىستىك)نى قۇرغان، كېيىن نامىنى يەمەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىپ، 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1990-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى بىلەن يەمەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلىشىپ، نامىنى يەمەن جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتىكەن.

  • يەمەن دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق دۆلىتى بولۇپ، دۆلەت ئەمگەك كۈچىنىڭ %70تى مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سانائىتى ئاسالىق يېنىك سانائەت ۋە يېمەكلىكلەر سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ.

  • ئاسالىق شەھەرلېرى: ① سانا، دۆلەتنىڭ پايتەختى ۋە سىياسىي، ئىقتسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش ۋە دىنىي مەركىزى. ② ئەدەن، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئاساسلىق پورت ۋە كۆڭۈلدىكىدە ساياھەت، دەم ئېىش ئورنى.

يەمتۈك

  • يەمتۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇچارقانات، قۇشلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق؛ دان:[مىسال:] دولقۇنلار چايقار تىنماي قومۇش سالنى، شاماللار ئۇچار يەلپۈپ جىغان-تالنى، سامادا بىر توپ قۇزغۇن يەمتۈك ئىزلەپ، ئېڭىشتى پەسكە، بىھوش تەننى كۆزلەپ.[يەشمىسى:] ② قەپەستە بېقىلىدىغان ئۇچارقاناتلارغا دان بېرىلىدىغان كىچىك قاچا؛ دانچۇق:[مىسال:] ئۇ ئۆلگەن قاتىل قۇشنىڭ يەمتۈكىدىن ئۈزۈك كۆزىدەك گۆھەرنى ئېلىپ، ھەددى-ھېسابسىز سۆيۈنۈپتۇ.

يەمچۈك

  • يەمچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچارقانات، ھايۋانات، بېلىقلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قاپقان، قىسماق، قارماقلارغا سانجىپ قويۇلىدىغان يېمەكلىك:[مىسال:] ئۇچۇپ كەلگەن ۋە كەتكەن، گۈللۈككە چۈشكەن ۋە يەمچۈككە يېقىنلاشقان ئاق قۇشقاچلارنى ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ كۆزىتىش نېمىدېگەن قىزىقارلىق-ھە دېدى ئۇ.

يەم-خەشەك

  • يەم-خەشەك[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغ، مال-ۋارانلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان بوغۇز ۋە ئوت-چۆپ:[مىسال:] يەم-خەشەك تەييارلىماق.

يەملەتمەك

  • يەملەتمەك[يەشمىسى:] «يەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يەملەشمەك

  • يەملەشمەك[يەشمىسى:] ① «يەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشچىلار ھە دەپ كىتابلارنىڭ مۇقاۋىلىرىنى يەملىشىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② يەملەنمەك، چاپلانماق، يېپىشماق:[مىسال:] كىتاب ۋاراقلىرى بەك چىڭ يەملىشىپ كەتكەنلىكتىن ئېچىلماپتۇ.

يەملەنمەك

  • يەملەنمەك[يەشمىسى:] «يەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] زەرگەر كېنىزەك قىز بەرگەن خەتنى ئېلىپ لېپاپنىڭ يەملەنگەن يېرىنى پەم بىلەن ئېچىپتۇ.

يەملىك

  • يەملىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەم-خەشەك، بوغۇز تاللىمايدىغان، نېمە بەرسە ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان (مال-ۋاران ھەققىدە):[مىسال:] يەملىك قوي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەم قىلىشقا تەييارلانغان نەرسە.

يەملىمەك

  • يەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاپلىماق، يېپىشتۇرماق:[مىسال:] كىتاب يەملىمەك. دېرىزە يەملىمەك.

يەنە

  • يەنە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يېڭىدىن، باشقىدىن، قايتا، تەكرار:[مىسال:] يامغۇر يەنە ياغدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] بۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە:[مىسال:] بۇلا ئەمەس، ھەربىر يىلنى يەنە 12 ئايغا بۆلۈپ، 12 يىلنى بىر مۈچەلگە بۆلۈپ ئۇلارغا ئۆز تىللىرىدا ھەر خىل ناملار قويۇپ بېرىلگەن.

يەنە دېسە، يەنە شۇ

  • يەنە دېسە، يەنە شۇ[يەشمىسى:] قايتا-قايتا، يېنىش-يېنىش، تەكرار ئېيتىلغان گەپ-سۆز، قىلىنغان ئىش-ھەرىكەت.

يەنە كېلىپ

  • يەنە كېلىپ[يەشمىسى:] خۇسۇسەن، بولۇپمۇ:[مىسال:] قىزىق ئىش، بۇنىڭ بالىسى راستتىنلا يۈتۈپ كەتكەنمىدى يەنە كېلىپ بۇ كىچىككىنە يېزىدا-ھە

يەنجە

  • يەنجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىۋانىلەر تىلەپ ئالغان نەرسىلىرىنى سالىدىغان قاچا:[مىسال:] بۇ خۇددى تۈگمەنچىنىڭ بىر سىقىم تۇزنى تىلەمچىنىڭ يەنجىسىگە تاشلىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش.

يەنسۇق

  • يەنسۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۇلاقلاردا بولىدىغان قۇرتقا ئوخشاش جانىۋار، دورا ئورنىدا سۇ بىلەن تىرىكلا ئىچىلىدۇ.

يەنى

  • يەنى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سۆزلەنگەن سۆز ياكى بولۇنغان ئىش-ھەرىكەتنى چۈشەندۈرۈش، ئىزاھلاش، باشقا ئىبارە بىلەن باغلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] جاھاندا يوق بىركۈنى يەنى شەنبىمۇ، يەكشەنبىمۇ، دۈشەنبىمۇ، سەيشەنبىمۇ، چارشەنبىمۇ، پەيشەنبىمۇ، جۈمەمۇ ئەمەس بىركۈنى ئېلىڭ، دەپتۇ ئەپەندىم.

يەنىلا

  • يەنىلا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۇرۇنقىدەكلا، ئوخشاشلا:[مىسال:] ئۇلار قانداق قىلغاندا ئۇنىڭ بۇ زورلۇقىدىن قۇتۇلۇشقا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق يوشۇرۇن يىغىن ئېچىپتۇ، لېكىن يەنىلا چارە تاپالماپتۇ.

يەنىمۇ

  • يەنىمۇ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بارغانسېرى، كۈنساناپ، كۈندىن-كۈنگە؛ تېخىمۇ:[مىسال:] مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى.

يەھ-يەھ

  • يەھ-يەھ[يەشمىسى:] كەپتەرنى دانغا چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۆز.

يەھۇدىي

  • يەھۇدىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار قەدىمدە پەلەستىندە ياشىغان خەلق بولۇپ، ئىسرائىلىيە — يەھۇدىي پادىشاھلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىق كېيىن رىم ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئاھالىسى سىرتقا چېچىلىپ كېتىپ، ياۋروپا، ئامېرىكا، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1948-يىلى بىر قىسىم يەھۇدىيلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى (پەلەستىننىڭ بىر قىسىم رايونلىرى) دا ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغان.

يەھۇدىي دىنى

  • يەھۇدىي دىنى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئاساسەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر خىل دىن. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە ياشىغان ھەزرىتى مۇسا تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنغان. مۇقەددەس كىتابى تەۋراتتۇر.

يەھۇدىيچە

  • يەھۇدىيچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەھۇدىي خەلقىگە، ئۇلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] يەھۇدىيچە ئادەم. يەھۇدىيچە ئۇسسۇل. يەھۇدىيچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەھۇدىي تىلى ياكى يېزىقى:[مىسال:] ئۇ يەھۇدىيچىنى پىششىق بىلىدىكەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يەھۇدىي تىلىنى ئىشلىتىپ، يەھۇدىي تىلىدا[يەشمىسى:] :[مىسال:] ئۇلار يەھۇدىيچە سۆزلىشىپ كەتتى.

يوبدان

  • يوبدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] ئارپا ياكى قوناق ئۇنى خېمىرىنى ئۈگرىدەك كېسىپ ئېتىلگەن سۇيۇقئاش:[مىسال:] ئۇ چامغۇر سېلىنغان بىر چىنە يوبداننى رەھمەتنىڭ ئالدىغا قويدى.

يوبىلېي

  • يوبىلېي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىرەر شەخسنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئىش پائالىيىتىنىڭ ياكى بىرەر تەشكىلات، مۇئەسسەسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇلغان ياكى پائالىيەت باشلىغانلىقىنىڭ مەلۇم يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنتەنىلىك مۇراسىم.

يوپكا

  • يوپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ بەلنىڭ تۆۋىنىگە كىيىدىغان ھەم ئايرىم تىكىلىدىغان كۆڭلىكى:[مىسال:] سارجا يوپكا. تار يوپكا.

يوپكىلىق

  • يوپكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈستىدە يوپكىسى بار، يوپكا كىيگەن:[مىسال:] سارجا يوپكىلىق قىز.[يەشمىسى:] ② يوپكا تىكىشكە باب، لايىق، يېتەرلىك:[مىسال:] ئۇ بىر يوپكىلىق سارجا سېتىۋالدى.

يوپۇتماق

  • يوپۇتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇپىيانە تۇتماق، يوشۇرماق، ياپماق:[مىسال:] ئېلىشا، سەن گەپنى يوپۇتما، قوشاقچى باشقا بىرى ئەمەس، ئۆزۈڭ، دېدى كىمدۇر بىرى.

يوپۇتۇشماق

  • يوپۇتۇشماق[يەشمىسى:] «يوپۇتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يوپۇتۇلماق

  • يوپۇتۇلماق[يەشمىسى:] «يوپۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يوپۇرا

  • يوپۇرا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇدۇل، ئوتتۇرا، روبىرو، قارىمۇقارشى.

يوپۇرغا

  • يوپۇرغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۆرەم:[يەشمىسى:] يوپۇرغا سالماق. [يەشمىسى:] ② شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيىنىڭ نامى.

يوپۇرماقⅠ

  • يوپۇرماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكنىڭ ۋېگېتاتىپ ئەزالىرىدىن بىرى. ئادەتتە يوپۇرماق ئالىقىنى بىلەن يوپۇرماق سېپىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئومۇمەن يېشىل ۋە ياپىلاق بولىدۇ. ئۇنىڭ گۆش ھۈجەيلىرىدە خلوروپلاست بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئوزۇقلۇق ماددا ئىشلىيەلەيدۇ. شۇڭا يوپۇرماق ئوزۇقلۇق ئىشلەيدىغان ئەزا ھېسابلىنىدۇ.

يوپۇرماق رېتى

  • يوپۇرماق رېتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يوپۇرماقنىڭ غولدىكى جايلىشىش ئۇسۇلى. كۆپ ئۇچرايدىغان يوپۇرماق رېتى: نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن يوپۇرماق رېتى، ئۇدۇل ئۆسكەن يوپۇرماق رېتى ۋە ئايلانما ئۆسكەن يوپۇرماق رېتىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ.

يوپۇرماقⅡ

  • يوپۇرماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاڭلىماسقا، بىلمەسكە سالماق، بىغەم، جىم تۇرۇۋالماق:[مىسال:] قۇلاقنى يوپۇرماق. * تۆلەندىئاخۇن ئاكا، چاققان بول، دېدى ئۇ بوسوغىدىن پۇتىنى ئالا-ئالمايلا، -تېرىكىڭنىڭ ئۇچىدا سېغىزغان چىللاۋاتسا، قۇلاقلىرىڭنى يوپۇرۇپ ئولتۇرۇۋېرىدىكەنسەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈرمەك، پۈرۈشتۈرمەك :[مىسال:] قاپاقنى يوپۇرماق. لېۋىنى يوپۇرماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بېشىنى ئىچىگە تىقماق، دۇغدايماق، غەمكىنلەشمەك:[مىسال:] ساۋۇت بىرئاز قورقسىمۇ، لېكىن بېشىنى يوپۇرۇپ كىرىشكە مەجبۇر بولدى.

يوپۇرماقلىق

  • يوپۇرماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوپۇرمىقى بار، يوپۇرمىقى كۆپ، يوپۇرماق بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخ. تەڭگە يوپۇرماقلىق دەرەخ.

يوپۇرماقلىماق

  • يوپۇرماقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يوپۇرماق چىقارماق، يوپۇرماق ئۆسمەك.

يوپۇرۇشماق

  • يوپۇرۇشماق[يەشمىسى:] «يوپۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئىشقا ئىپادە بىلدۈرمەي قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇشۇپ ئولتۇرۇشتى.

يوپۇرۇلماق

  • يوپۇرۇلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئادەم ياكى نەرسىگە تاشلانماق، ئېتىلماق:[مىسال:] ئاتلار گويا قارا بوراندەك يوپۇرۇلۇپ دۈشمەن تەرەپكە تاشلاندى.

يوپۇق

  • يوپۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئات-ئۇلاغنى سوغۇقتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئۇچىسىغا يېپىپ قويۇلىدىغان يېپىنچا:[مىسال:] ئېتىمنى توقۇپ، قويدۇم، يوپۇق ياپىمەن ئەمدى. سۆيگەن ياردىن ئايرىلىپ، يالغۇز ياتىمەن ئەمدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئوچۇق تۇرماسلىقى ئۈچۈن يېپىلىدىغان پەردە:[مىسال:] مەلىكە يوپۇقنى قايرىپ، بېشىنى مەپىدىن چىقىرىپ، گۇلابكىغا قارىغاندا كۆزى زەرگەر يىگىتكە چۈشۈپ قاپتۇ.

يوپۇقلۇق

  • يوپۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوپۇقى بار، يوپۇق يېپىلغان، يوپۇق تارتىلغان:[مىسال:] قىز قارىسا، كىمخاپ يوپۇقلۇق قوش ئات قوشۇلغان ئالتۇن مەپە جاراڭلاپ، بىر مەپىكەش بوۋاي ئاتلارنىڭ بوجىلىرىنى تۇتۇپ تۇرغۇدەك.

يوتا

  • يوتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىزنىڭ يۇقىرىسىدىن سۆڭگەچكىچە بولغان ئارىلىق؛ يانپاش:[مىسال:] يوتا سۆڭىكى.[يەشمىسى:] ② تاغنىڭ يانباغرى؛ بەل:[مىسال:] بەل يوتىسى. * سابىرلار دۆڭلۈكلەر ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ، توغرا كەتكەن يوتىسى قىيپاش تاغ ئۈستىگە چىقتى.

يوتقان

  • يوتقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇخلىغاندا يېپىنىش ئۈچۈن رەختنى ئەنلەپ، ئارىسىغا پاختا قويۇپ تىكىلگەن يېپىنچا:[مىسال:] مامۇق يوتقان. تويلۇق يوتقان.

يوتقاننىڭ تېشىدىن بولغان

  • يوتقاننىڭ تېشىدىن بولغان[يەشمىسى:] نىكاھسىز تۇغۇلغان، دادىسى نامەلۇم، ھارامدىن بولغان؛ ھارامزادە.

يوتقان-كۆرپە

  • يوتقان-كۆرپە[يەشمىسى:] ئۇخلىغاندا يېپىنىدىغان يوتقان ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەر؛ يوتقان-كۆرپە:[مىسال:] بۇ كامېر سېسىپ كېتىپتۇ، سېنى باشقا كامېرغا يۆتكەپ، بۇ ئۆينى بىر ھەپتە ئېچىۋاتىمىز. يوتقان-كۆرپەڭنى ئېلىپ چىقىپ تۇر، مەن ھارۋا ئەكېلىمەن، دېدى تۈرمە باشلىقى ئۇنىڭغا.

يوتقانلىق

  • يوتقانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوتقىنى بار، يوتقان يېپىنغان. [يەشمىسى:] ② يوتقان تىكىشكە باب، لايىق، يوتقان قىلىشقا بولىدىغان:[مىسال:] يوتقانلىق تاۋار.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوتقان تىكىشكە باب كېلىدىغان رەخت:[مىسال:] مېنىڭ بىر يوتقانلىقىم بار ئىكەن، دېدى ئۇ.

يوتۇقⅠ

  • يوتۇقⅠ[مىسال:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يانتۇ، قىيپاش، يانباغىر.

يۇتۇقⅡ

  • يۇتۇقⅡ[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توشقان ئۇۋىسى.

يوتۇقماق

  • يوتۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆز قاپىقى ياكى يۈز-كۆزى ئىششىپ قالماق.

يوچۇق

  • يوچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېرىلغان، چاك ھاسىل بولغان جاي؛ دەز، ئاراچ:[مىسال:] ئىشىكنىڭ يوچۇقى. تامنىڭ يوچۇقى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇسۇر، كەمچىلىك، نۇقسان:[مىسال:] بۇ ئىشنى شۇنداق قىلايلىكى، باشقىلار ئىشىمىزدىن قىلچە يوچۇق تاپالمىسۇن. * ئۇ ئازراق يوچۇق تاپسىلا بىرنى ئون قىلىپ پىتنە تارقىتىدۇ.

يوچۇق قالدۇرماسلىق

  • يوچۇق قالدۇرماسلىق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، گەپ-سۆزدە كەتكۈزۈپ قويماسلىق، پۇرسەت، بوشلۇق، ئىمكانىيەت قويماسلىق.

يوچۇن

  • يوچۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇنۇش بولمىغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ئۆزگىچە، غەلىتە:[مىسال:] يوچۇن ئادەم. يوچۇن ئىش. يوچۇن قىلىق.

يوخشىماق

  • يوخشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئات ئوت يېمەستىن خامۇش بولۇپ جىم تۇرماق.

يود

  • يود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گېرك[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتاللوئىد ئېلېمېنت. بەلگىسى (Iodium)I. قارا قوڭۇر رەڭلىك كرىستال. مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە، ئاسان سۇبلىماتسىيىلىنىپ بىنەپشە رەڭلىك پار ھاسىل قىلىدۇ. يودنىڭ ئىسپىرتتىكى ئېرىتمىسى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە پوقاق كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. سانائەتتە بوياق ماتېرىياللىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

يودا

  • يودا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەبگاھ، سوكال، نامرات، گاداي، ئورۇق.

يودوفورم

  • يودوفورم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانك بىرىكمە. سېرىق رەڭلىك پارقىراق كرىستال، ئالاھىدە پۇراققا ۋە تەمگە ئىگە. دورىگەرلىكتە دزىنفېكسىيە دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

يودىماق

  • يودىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قورسىقى ئاغرىغان ئادەملەرنى تۇز، نان قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاشلىماق.

يورتماق

  • يورتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاتنى ئۇششاق قەدەم بىلەن تېز ھەم سىلىق ماڭدۇرماق يەنى مېڭىشتىن تېز، يورغىلاشتىن ئاستىراق بىر خىل مېڭىشتا ماڭدۇرماق.

يورغا

  • يورغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رېتىمىنى بۇزماي، بىرخىلدا ھەم سىلىق ھەم يۈگۈرگەندەك ئىتتىك ماڭىدىغان ئات:[مىسال:] يورغىسىغا چۈشمەك. * يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار، كۆپ ياشىغان تەڭتۇشىدىن ئايرىلار (ماقال). ∥ يورغا ئات.

يورغىلاتماق

  • يورغىلاتماق[يەشمىسى:] «يورغىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئويناقلاپ تۇرغان قارا ئات مىنگەن سادىر ئېتىنى يورغىلىتىپ كەلدى-دە، دەرھال دادىسىغا سالام بەردى.

يورغىلاشماق

  • يورغىلاشماق[يەشمىسى:] «يورغىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاق پەرتۇق تارتقان كۈتكۈچىلەر بولسا پۇت-پۇتىغا، قول-قولىغا تەگمەي يورغىلىشىپ يۈرەتتى.

يورغىلىماق

  • يورغىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① رېتىمىنى بۇزماي، ھەم تېز ھەم سىلىق ماڭماق:[مىسال:] تىزگىنى بوشىتىلغان بايتال يېنىككىنە يورغىلاشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىككى تېقىمىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ تېز-تېز ئىلدام ماڭماق:[مىسال:] يىگىت خۇش بولۇپ ئانىنىڭ قولىغا سۆيۈپتۇ ۋە ئانىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، داستىخاننى قولتۇقىغا قىسىپ، خېنىملاردەك يورغىلاپ، گۇندىپاينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.

يورۇتقۇچ

  • يورۇتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يورۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان، يورۇتىدىغان:[مىسال:] يورۇتقۇچ ئەسۋابلار. يورۇتقۇچ بومبا.

يورۇتماق

  • يورۇتماق[يەشمىسى:] ① «يورۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەزىز شۇنى ئويلاپ يۈرىكى ئېچىنغان ھالدا ياتقان يېرىدىن تۇرۇپ چىراغنى يورۇتتى.[يەشمىسى:] ② ئايدىڭلاشتۇرماق:[مىسال:] يازغۇچى بۇ ئەسىرى بىلەن ⅩⅨ ئەسىردىكى جەمئىيەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ، كىشىلەرگە تونۇشتۇردى.

يورۇتۇشماق

  • يورۇتۇشماق[يەشمىسى:] «يورۇتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يورۇتۇلماق

  • يورۇتۇلماق[يەشمىسى:] «يورۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئابدۇللا ئاكىنىڭ قاۋۇل بىلەن بىر يەردىن چىققان سۆزلىرى ئۇنىڭ ئىشەنچ چىرىغىدا يورۇتۇلغان قەلبىگە غەشلىك سايىسىنى تاشلىغاندەك بولدى.

يورۇق

  • يورۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈن نۇرى يەنى ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان، قاراڭغۇ ئەمەس:[مىسال:] يورۇق ئۆي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۇر، ئاپتاپ، ئاپتاپلىق ھالەت:[مىسال:] يورۇق چۈشمەك. تاڭ يورۇقى. * ئۆچەر چىراغنىڭ يورۇقى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەختلىك، شادلىق، ھۆر:[مىسال:] يورۇق دۇنيا. يورۇق ئالەم. يورۇق كۈن.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] روشەن، نۇرلۇق:[مىسال:] ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق (ماقال).

يورۇقپەرەس

  • يورۇقپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يورۇقنى ياخشى كۆرىدىغان، يورۇقلۇققا ئىنتىلىدىغان:[مىسال:] يورۇقپەرەس ئۆسۈملۈكلەر.

يورۇقپەرەسلىك

  • يورۇقپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇققا ئىنتىلىش خۇسۇسىيىتى.

يورۇقچىلىق

  • يورۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرقانداق دالدا، قاراڭغۇلۇقتىن خالىي، يورۇق ھالەت؛ ئوچۇقچىلىق.

يورۇقلاشماق

  • يورۇقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يورۇشقا باشلىماق، يورۇق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۆي ئىچى يورۇقلاشتى.

يورۇقلۇق

  • يورۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قاراڭغۇ بولمىغان، يورۇق ھالەت، روشەنلىك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنى يورۇتۇپ، كىشىگە جىسىمنى كۆرسىتىدىغان ماددا. مەسىلەن، قۇياش يورۇقلۇقى، چىراغ يورۇقلۇقى ۋە ئاي يورۇقلۇقى دېگەندەك. يورۇقلۇقنىڭ بوشلۇقتىكى تارقىلىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا تەخمىنەن 300 مىڭ كىلومتىر.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ كىشىگە ھېس قىلدۇرغان كۈچلۈك-ئاجىزلىق دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] يورۇق چۈشكەن، يورۇغان يەر، جاي:[مىسال:] ئۇلار غار ئىچىدە مېڭىۋېرىپ، ئاخىرى يورۇقلۇققا قانداق چىقىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قېلىشتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازادلىق، ئەركىنلىك:[مىسال:] خەلقىمىز تىنماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىل خورلىغان جاھالەت زىندانىنى گۇمران قىلىپ، ئاخىرى يورۇقلۇققا چىقتى.

يورۇقلۇق يىلى

  • يورۇقلۇق يىلى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] يۇلتۇزلار ئارىلىقىنى ھېسابلاشتىكى بىرلىك، يەنى يورۇقلۇقنىڭ بىر يىل ئىچىدە باسقان مۇساپىسى، ئۇ تەخمىنەن بىر تىرىليون كىلومېتىرغا تەڭ بولىدۇ.

يورۇماق

  • يورۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يورۇق چۈشمەك، يورۇق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] چىراغ ياندۇرۇلدى، ئۆي ئىچى خېلى يورۇدى.[يەشمىسى:] ② ئاقارماق، چىقماق، ئاتماق (كۈن ۋە تاڭ ھەققىدە):[مىسال:] بۇ چاغدا تاڭ ئوبدانلا يورۇپ، كىشىلەرنىڭ ئالدى ئىشقا يېتىپ كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ③ ئېچىلماق، شادلانماق:[مىسال:] كۆڭلى يورۇماق. دىلى يورۇماق.

يوسۇن

  • يوسۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەزەلدىن تارتىپ كېلىۋاتقان، كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئادەت؛ رەسىم، قائىدە:[مىسال:] كونا يوسۇن.

يوسۇندا

  • يوسۇندا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ھالەتتە، تەرىقىدە، قىياپەتتە، شەكىلدە، تەرزدە:[مىسال:] قايسى يوسۇندا ئىش قىلىش ئۆزۈڭگە باغلىق.

يوسۇن-قائىدە

  • يوسۇن-قائىدە[يەشمىسى:] يوسۇن ۋە قائىدە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئادەتلەر.

يوسۇنلۇق

  • يوسۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يوسۇننى بىلىدىغان، يوسۇنغا ئەمەل قىلىدىغان:[مىسال:] يوسۇنلۇق ئادەم.[يەشمىسى:] ② يوسۇنغا ئۇيغۇن، يوسۇن بىلەن قىلىنغان:[مىسال:] يوسۇنلۇق ئىش.

يوشۇرغۇزماق

  • يوشۇرغۇزماق[يەشمىسى:] «يوشۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يوشۇرماق

  • يوشۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك، بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن بىر يەرگە تىقىپ قويماق، خۇپىيانە تۇتماق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە كېلىشتىكى مەقسىتىنىمۇ يوشۇردى.

يوشۇرۇشماق

  • يوشۇرۇشماق[يەشمىسى:] «يوشۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يوشۇرۇقلۇق

  • يوشۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوشۇرۇلغان، يوشۇرۇپ قويۇلغان:[مىسال:] يوشۇرۇقلۇق ئاشلىق. يوشۇرۇقلۇق مال.

يوشۇرۇلماق

  • يوشۇرۇلماق[يەشمىسى:] «يوشۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يوشۇرۇن

  • يوشۇرۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاشكارا بولمىغان، باشقىلار ئۇقمىغان، باشقىلاردىن سىر تۇتۇلغان؛ مەخپىي:[مىسال:] يوشۇرۇن ھەرىكەت. يوشۇرۇن ئىش. يوشۇرۇن ئىشلىمەك.

يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش

  • يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سايلام ئۇسۇلىنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭدا سايلىغۇچى سايلام بېلىتىنى تولدۇرغاندا باشقىلارغا ئاشكارىلىمايدۇ، سايلام بېلىتىگە ئىسمىنى يازمايدۇ ھەمدە سايلام بېلىتىنى ساندۇققا ئۆزى ئاپىرىپ تاشلايدۇ.

يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى

  • يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈل رېتىنىڭ بىر تۈرى. ئوقىنىڭ ئۇچى چوڭىيىپ، ئوتتۇرا قىسمى تۆۋەنگە ئولتۇرۇشۇپ خالتا ھاسىل قىلغان، گۈللىرى خالتا ئىچىگە جايلاشقان بولىدۇ. سىرتتىن قارىغاندا كۆرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەنجۈرنىڭ گۈل رېتىگە ئوخشاش.

يوشۇرۇنچە

  • يوشۇرۇنچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشقىلارغا بىلدۈرمەي، سەزدۈرمەي، تۇيدۇرماي، مەخپىي رەۋىشتە، ئوغرىلىقچە، خۇپىيانە:[مىسال:] مەن ھەر كۈنى باش توخۇ ئەمدىلا چىللىغان چاغدا، باشقىلاردىن يوشۇرۇنچە مەرۇپ بوۋايلارنىڭ ئۆيىگە باراتتىم.

يوشۇرۇنماق

  • يوشۇرۇنماق[يەشمىسى:] ① «يوشۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككىيلەن چوقچىيىپ تۇرغان قۇم-شور دۆۋىلىرىدىن بىرىنىڭ دالدىسىغا يوشۇرۇندى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] دۈشمەن ئۆتۈش ئېھتىمالى بولغان جايغا ئەسكىرىي كۈچنى مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتاكىغا ئۆتۈش پۇرسىتىنى كۈتمەك.

يوغا

  • يوغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاچا-قومۇش قويۇش ئۈچۈن ئۆينىڭ تېمىنى ئويۇپ چىقىرىلغان جاي؛ ئويۇق، تەكچە.

يوغا تام

  • يوغا تام[يەشمىسى:] ئۆي بىلەن ئۆي ئوتتۇرىسىدىكى پاكار تام.

يوغا تامغا مىنمەك

  • يوغا تامغا مىنمەك [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەسخىرە، شاڭخو قىلىش سۆزى.

يوغان

  • يوغان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىگىلىگەن ئورنى، ھەجمى ئىنتايىن كەڭ؛ چوڭ، زور:[مىسال:] باش كىچىك، تۇماق يوغان، بەل كىچىك، غىلاپ يوغان (ماقال).[يەشمىسى:] ② توغرا كەسمىسى، ئايلانمىسى چوڭ؛ توم (دەرەخ، ئارغامچا، يىپ، چاچ قاتارلىق نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] قىز يوغان ئىككى ئۆرۈم چېچىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان ئۇچلىرىنى بېشىغا قىستۇرۇۋالغان ئەگرى تارغاق بىلەن تاراپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ③ بوم (ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] بارسبەگنىڭمۇ بار، دېدى قىلىچ يوغان ئاۋاز بىلەن.[يەشمىسى:] ④ پو، ئەمەلىيەتتىن يىراقلاشقان، لاپ (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] يوغان گەپ.

يوغان باش

  • يوغان باش[يەشمىسى:] ① بېشى باشقىلارنىڭكىدىن چوڭ، زور.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان، كىشىنىڭ گېپىگە، مەسلىھەتىگە كۆنمەيدىغان؛ باشباشتاق، ئۆز بېشىمچى:[مىسال:] ئۇ كىچىكىدىنلا يوغان باش بالا ئىدى.

يوغان بەل

  • يوغان بەل[يەشمىسى:] ئاچبىقىننىڭ ئىنچىكە ياكى بەلنىڭ سەل يۇقىرى تەرىپى.

يوغانچى

  • يوغانچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، چوڭچى.

يوغانچىلىق

  • يوغانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىنىش ئادىتى؛ چوڭچىلىق:[مىسال:] يوغانچىلىق قىلماق.

يوغانلىق

  • يوغانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چوڭلۇق، زورلۇق.[يەشمىسى:] ② [مىسال:] [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق:[مىسال:] يوغانلىق قىلماق.

يوغان-يالتا

  • يوغان-يالتا[يەشمىسى:] يوغان ۋە يېيىلغان، چوڭ ۋە ياپىلاق.

يوغىناتماق

  • يوغىناتماق[يەشمىسى:] «يوغىنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەسلىدە بايلارنىڭ زوۋۇلىسىنى يوغىناتقان بىزگە ئوخشاش ئەمگەكچىلەر ئىكەن.

يوغىناشماق

  • يوغىناشماق[يەشمىسى:] «يوغىنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يوغىنىتىلماق

  • يوغىنىتىلماق[يەشمىسى:] «يوغىناتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يوغىنىماق

  • يوغىنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىگىلىگەن ئورۇن ھەجىم جەھەتتىن كېڭەيمەك، چوڭايماق:[مىسال:] كونا ئۆيلەر چېقىلىپ، مەيدان خېلى يوغىناپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئۆسمەك، يېتىلمەك، زورايماق، چوڭلىماق:[مىسال:] يەر ھەققىدىكى گەپكە كۆچۈشىمىزدىكى سەۋەب، مۇنداق يەردە قاپاق بەك يوغىنايتتى.[يەشمىسى:] ③ تەسىر دائىرىسى كېڭەيمەك، زورايماق، ئەۋج ئالماق:[مىسال:] موللازەيدىن بەدرىدىن مەخسۇمنىڭ ئىشىنى بۇ قەدەر يوغىناپ كېتىدۇ، دەپ ئەسلا ئويلاپ كۆرمىگەنىدى.

يوغىناپ كەتمەك

  • يوغىناپ كەتمەك[يەشمىسى:] ھەددىدىن ئاشماق، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماق، چوڭچىلىق قىلماق:[مىسال:] ئۇ شۇنچە يوغىناپ كەتتىكى، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

يوق

  • يوق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەۋجۇت ئەمەس، بارنىڭ ئەكسى:[مىسال:] ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② بەزى جۈملىدە ئىنكار (ياق، ئەمەس) مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] بۇ سۆز گۈلشاتنىڭ ئاغزىدىن بىرىنچى قېتىم چىقىۋاتقىنى يوق.

يوق دېيەرلىك

  • يوق دېيەرلىك[يەشمىسى:] ئاز مىقداردا، ئاندا-ساندا، ناھايىتى ئاز:[مىسال:] بۇ ئىدارىدە ئىشقا كېچىكىپ كېلىدىغانلار يوق دېيەرلىك.

يوق گەپ

  • يوق گەپ[يەشمىسى:] ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدۇ، مۇمكىن ئەمەس:[مىسال:] قار سۈيىنى ئەكىلىشمۇ يوق گەپ.

يوقنىڭ ئورنىدا

  • يوقنىڭ ئورنىدا[يەشمىسى:] ئاز مىقداردا، يوق دېيەرلىك، ناھايىتى ئاز:[مىسال:] ئۇنى يامان دېگۈچىلەر يوقنىڭ ئورنىدا.

يوق يەردىن پۇتاق چىقارماق

  • يوق يەردىن پۇتاق چىقارماق[يەشمىسى:] قەستەن، مەقسەتلىك ھالدا چاتاق، نۇقسان، قۇسۇر، كەمچىلىك تاپماق؛ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەك:[مىسال:] ئۆمەك باشلىقى بۈگۈنمۇ ئەتەي يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، ئوپېرانىڭ ئوڭۇشلۇق ئوينىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولماقتا ئىدى.

يوقاتماق

  • يوقاتماق[يەشمىسى:] «يوقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھوشىنى يوقاتماق. ئەقلىنى يوقاتماق.

يوقاشماق

  • يوقاشماق[يەشمىسى:] «يوقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يوقالماق

  • يوقالماق[يەشمىسى:] «يوقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ شۇ كەتكەنچە زىلەينىڭ كۆز ئالدىدىن مەڭگۈلۈك يوقالدى.

يوقسۇ

  • يوقسۇ[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] ياق، ئۇنداق ئەمەس:[مىسال:] يوقسۇ، ئۇلار بىرنەچچە كۈن بولدى كېچىسى ئۇخلىمايدۇ، دېدى ئۇ.

يوقسۇز

  • يوقسۇز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېرەكلىك نەرسىلەرگە تولۇق ئىگە بولالمىغان، موھتاجلىقتا ياشىغۇچى، نامرات، كەمبەغەل، يوقسۇل:[مىسال:] كېيىك ئوقسىزغا يولۇقار، بالا يوقسۇزغا (ماقال).

يوقسۇزچىلىق

  • يوقسۇزچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «يوقسۇزلۇق»قا قاراڭ:[مىسال:] بىز «دۇنيادا نېمە قاتتىق دېسە، يوقسۇزچىلىق قاتتىق» دەيدىغاننى بىلەتتۇق.

يوقسۇزلۇق

  • يوقسۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھتاجلىق، نامراتلىق، يوقسۇللۇق:[مىسال:] ئەتىدىن كەچكىچە ئىشلەپ ھارمايدىكەن، خوتۇنى بىكار يېتىپ يوقسۇزلۇقتىن زارلايدىكەن.

يوقسۇل

  • يوقسۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمبەغەل، نامرات، يوقسۇز:[مىسال:] يوقسۇل ئادەم.

يوقسۇللۇق

  • يوقسۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەمبەغەللىك، نامراتلىق، يوقسۇزلۇق:[مىسال:] يوقسۇللۇق مەردنىڭ قولىنى باغلايدۇ (ماقال).

يوقسىنماق

  • يوقسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ كەمچىلىكىدىن قىينالماق، شۇ نەرسىگە موھتاج بولماق، قىيىنچىلىق تارتماق؛ قىسىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سېغىنماق، ئويلىماق:[مىسال:] كەلدى-كەتتى ئاغىنىلەرنىڭ قارارى يوق، [مىسال:] يوقسىنغاندا كېلىشمەيدۇ، نەدىكى بىمەنە ۋاقىتلاردا كېلىپ ۋاقتىڭنى ئالىدۇ.

يوقلاتماق

  • يوقلاتماق[يەشمىسى:] «يوقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يوقلاشماق

  • يوقلاشماق[يەشمىسى:] «يوقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھەمىشە بىر-بىرىنى ئەسلىشىپ ۋە يوقلىشىپ تۇراتتى.

يوقلانماق

  • يوقلانماق[يەشمىسى:] «يوقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يوقلۇق

  • يوقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەۋجۇت ئەمەسلىك:[مىسال:] تاماقنىڭ تەمىدىن ئۆيدە تۇزنىڭ يوقلۇقىنى بىلدىم.

يوقلىما

  • يوقلىما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ بار، يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن رويخەت بويىچە ئىسىم فامىلىسىنى ئېيتىپ بېرىش تىزىملىكى:[مىسال:] يوقلىما قىلماق.[يەشمىسى:] ② مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپ بويىچە تىزىملانغان ئىسىملىك خاتىرىسى، رويخەت دەپتىرى:[مىسال:] يوقلىما دەپتىرى.

يوقلىماق

  • يوقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھال-ئەھۋال سورىغىلى بارماق ياكى كەلمەك:[مىسال:] كېسەلنى يوقلىماق. ئاتا-ئانىلارنى يوقلىماق.

يوقىلاڭ

  • يوقىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تايىنى يوق، ئەرزىمەس:[مىسال:] يوقىلاڭ گەپ. يوقىلاڭ ئىش.

يوقىماق

  • يوقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزدىن غايىب بولماق، كۆزدىن نېرى كەتمەك، يوقىلىپ قالماق، يىتمەك:[مىسال:] ھېلىقى مۈشۈك ئەجەب يوقاپ كەتتى.

يول

  • يول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ياكى ترانسپورت قاتنىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۇزۇن يەر بۆلىكى:[مىسال:] تۆمۈر يول. چىغىر يول. ھارۋا يولى. چوڭ يول.[يەشمىسى:] ② ھەرىكەت يۆنەلگەن تەرەپ، يۆنىلىش؛ نىشان:[مىسال:] يول باشلىماق.[يەشمىسى:] ③ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا خىزمەت قىلىدىغان سىم، تۇرۇبا قۇرۇلمىلىرى، لىنىيىسى:[مىسال:] گاز يولى. توك يولى. يۇندا يولى.[يەشمىسى:] ④ سەپەر قىلىش، بىرەر ياققا بېرىش، ساياھەت:[يەشمىسى:] يول تەييارلىقى. يول خىراجىتى.[يەشمىسى:] ⑤ بېسىپ ئۆتىدىغان مەنزىل؛ مۇساپە:[مىسال:] ئۈچ ئايلىق يول.[يەشمىسى:] ⑥ رەخت، قەغەز قاتارلىق نەرسىلەرگە چۈشۈرۈلگەن پاراللېل، تىك ھالەتتىكى سىزىق، ئىز:[مىسال:] بىر يولى قارا، بىر يولى كۆك چىت.[يەشمىسى:] ⑦ زىرائەت، يازما، باسما ئەسەرلىرىنىڭ ھەربىر قاتارى؛ قۇر:[مىسال:] ئۈچ يول خەت.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غايىۋى يۆنىلىش، دۇنيا قاراش؛ مەسلەك، مەزھەپ:[مىسال:] ئىككى يول كۈرىشى.[يەشمىسى:] ⑨ بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋاسىتىسى؛ ئۇسۇل، چارە، تەدبىر، ئامال:[مىسال:] يول تاپماق.[يەشمىسى:] 01 ئەنئەنىۋى ئادەت، قائىدە-يوسۇن؛ شەرىئەت؛ قانۇن:[مىسال:] يولدىن چىقماق. يولدىن ئازماق.[يەشمىسى:] 11 رىئايە، ھۆرمەت، ئىمكان، مەدەت، ئىجازەت:[مىسال:] يول قويماق.[يەشمىسى:] 21 ئەقىل، مەسلىھەت:[مىسال:] يول كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] 31 مەرتە، قېتىم، نۆۋەت:[مىسال:] ئۇ ئايتۇراخان ئاچىققان ئىككى چېلەكنى قولىغا ئېلىپ، كۆلدىن بىر يول سۇ ئەكەلدى.

يول بولسۇن

  • يول بولسۇن[يەشمىسى:] ① سەپەرگە چىققان كىشىنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، بىخەتەر سەپەر قىلىشىغا تىلەكداشلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خەير، يول بولسۇن، خۇداغا ئامانەت، دېدى ئانا ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ.[يەشمىسى:] ② «نەگە بارىسىز»، «نەگە ماڭدىڭىز» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئات چەتكە بۇرۇلدى. شۇ چاغ كىمدۇر بىرى «روزىكا، يول بولسۇن» دېدى.

يولدىن ئاداشماق

  • يولدىن ئاداشماق[يەشمىسى:] ① سەپەر، نىشاندىن ئازماق، يېڭىلىشماق:[مىسال:] ئۇلار كېچىدە يولدىن ئادىشىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتتىن چەتلىمەك، قايماق.

يولدىن چىقماق

  • يولدىن چىقماق[يەشمىسى:] قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلماق:[مىسال:] يولدىن چىقما، خاندىن قورقما (ماقال).

يولغا چۈشمەك

  • يولغا چۈشمەك[يەشمىسى:] ① ماڭماق، يولىنى داۋاملاشتۇرماق:[مىسال:] ھاتەم ئەجدىھاغا ئەگىشىپ يولغا چۈشتى. ئۇلار بىر بوستانلىققا يېتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نورماللاشماق، يۈرۈشۈپ كەتمەك:[مىسال:] ھازىر ئىشلار خېلى يولغا چۈشتى، ياخشى كېتىۋاتىدۇ.

يولغا سالماق

  • يولغا سالماق[يەشمىسى:] ① سەپەر ياكى ساياھەت، يۈرۈشكە ئۇزىتىپ قويماق، ماڭدۇرماق، ئەۋەتمەك:[مىسال:] ئاتا، ئاران بىر كەلگىنىڭدە خەۋەر ئالالماي قۇرۇقلا يولغا سېلىپ قويىدىغان بولدۇم، ئاپامغا سالام ئېيتارسەن، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قويۇۋەتمەك، ئاجراشماق؛ مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك:[مىسال:] ئوغلىمىز بۇ يىل ئارانلا يىگىرمە ياشقا كىردى، ئەمما خوتۇندىن ساق ئۈچنى يولغا سالدى.

يولغا قويماق

  • يولغا قويماق[يەشمىسى:] ئىجرا قىلماق، قوللانماق، يۈرگۈزمەك، ئومۇملاشتۇرماق:[مىسال:] بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئوبدانراق كېڭىشىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېزرەك يولغا قويۇشنىڭ ئامالىنى قىلايلى.

يول ئوچۇق

  • يول ئوچۇق[يەشمىسى:] «كەتسەڭ كېتىۋەر، خالىغان يېرىڭگە بارىۋەر» دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] كەلسە كەلسۇن، ھېچبولمىسا ھەشقاللا دەپ قوياي، ئالدىرىغانلار كەشىسىنى قولتۇقلاۋەرسە يول ئوچۇق، دېدى قەمبەرنىساخان.

يولى بار

  • يولى بار[يەشمىسى:] ① قائىدە-يوسۇنى، چەك-دائىرىسى بار:[مىسال:] سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن، -دېدى باي، راپاۋەتچىلىك قىلىشنىڭ يولى بار.[يەشمىسى:] ② مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ، ئىمكانىيىتى، ئېپى بار:[مىسال:] ئۇنىڭ يولى بار، بۇ ئىشنى شۇ ھەل قىلالايدۇ.

يولى ئوچۇق

  • يولى ئوچۇق[يەشمىسى:] ئىشى ئوڭدىن كېلىدىغان، قىلغان ئىشلىرى راۋان، يۈرۈشۈپ تۇرىدىغان:[مىسال:] -«ئىنسان ياخشلىقنىڭ قۇلى» دېگەن گەپ بار، ھاجىتىڭنى راۋا قىلسا ئۇ كىشىگە تەشەككۈر بايان قىلغايسەن. يەنە بىر قېتىم ھاجىتىڭ چۈشكەندىمۇ يولۇڭ ئوچۇق، يۈزۈڭ يورۇق بولىدۇ، دېدى ئۇ.

يولاتماق

  • يولاتماق[يەشمىسى:] «يولىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى (كۆپىنچە بولۇشسىز شەكىلدە كېلىدۇ):[مىسال:] ئۆي تۇتمىغاننى ئۆيۈڭگە يولاتما (ماقال).

يولاشماق

  • يولاشماق[يەشمىسى:] «يولىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يولباشچى

  • يولباشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يول+باش+چى[[يەشمىسى:] بىرەر سىنىپ، پارتىيە، گۇرۇھ ياكى ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ سىياسىي رەھبىرى؛ داھىي.

يولباشچىلىق

  • يولباشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ھەرىكەتتىكى رەھبەرلىك، باشلامچىلىق، باشقىلارنى يېتەكلەش ياكى باشلاش ئىشى:[مىسال:] يولباشچىلىق قىلماق.

يولباشلىغۇچى

  • يولباشلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر قوشۇن، سەپ، كىشىلەرنىڭ توپىنىڭ ئالدىدا يول كۆرسىتىپ ماڭغۇچى؛ يولباشچى، يېتەكچى.

يولداش

  • يولداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سەپەر، ساياھەت، يۈرۈش ئىشلىرىدا بىللە بولغان كىشى؛ ھەمراھ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۈپتى، ھەمراھى (ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇ ياق مېنىڭ يولدىشىم، دېدى ئايال ماڭا قاراپ.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم مەقسەت نىشان ئۈچۈن بىللە كۈرەش قىلغۇچى. [يەشمىسى:] ④ بەزى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى چاقىرىش ئادىتى:[مىسال:] يولداش، سىز نەگە بارىسىز[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلە بىلەن بىللە پەيدا بولىدىغان، ھامىلىنى ئوزۇقلۇق ماددىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگان؛ ئەش:[مىسال:] بالىنىڭ يولدىشى.[يەشمىسى:] ⑥ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

يولداشلارچە

  • يولداشلارچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يولداشلاردەك، يولداشلارغا ئوخشاش:[مىسال:] يولداشلارچە ھەمكارلىق.

يولداشلىق

  • يولداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يولداشلاردا بولىدىغان، يولداشلارغا خاس:[مىسال:] يولداشلىق مۇناسىۋەت. يولداشلىق بۇرچ.

يولسىز

  • يولسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يول ئېلىنمىغان، يول ياسالمىغان، يولى يوق:[مىسال:] يولسىز داۋان.[يەشمىسى:] ② قائىدە-يوسۇنغا زىت، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قىلىنغان؛ ئۆكتەم، بىغەرەز:[مىسال:] يولسىز ھەرىكەت.

يولسىزلارچە

  • يولسىزلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يولسىزلىق بىلەن:[مىسال:] دوستانە نەسىھەتنى يولسىزلارچە چاپلىشىۋېلىش دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا جەزمەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى توسۇپ قويىمىز.

يولسىزلىق

  • يولسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قائىدە-يوسۇنغا خىلاپ، نامۇۋاپىق سۆز-ھەرىكەت؛ ئۆكتەملىك، ئۇششۇقلۇق، بىغەرەزلىك:[مىسال:] يولسىزلىق قىلماق.

يوللاتماق

  • يوللاتماق[يەشمىسى:] «يوللىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يوللاشماق

  • يوللاشماق[يەشمىسى:] «يوللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يوللانما

  • يوللانما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان خەت-چەك، ئالاقە، پوسۇلكا:[مىسال:] پوچتا يوللانمىسى. تېز يوللانما.

يوللانماق

  • يوللانماق[يەشمىسى:] «يوللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پوسۇلكىلار يوللاندى.

يوللۇق

  • يوللۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يولى بار، يول چۈشۈرۈلگەن:[مىسال:] يوللۇق رەخت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يولى بار، داۋلىلىق، ئورۇنلۇق، قانۇنلۇق، ھەق:[مىسال:] يوللۇق گەپ. يوللۇق ھەرىكەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] سەپەر، ساياھەت قىلىشقا، باشقىلارنى ئۇزىتىشقا تەييارلانغان لازىمەتلىك، سوۋغا:[يەشمىسى:] يوللۇق تۇتماق.

يوللىماق

  • يوللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى گەپ-سۆزنى بىرەر ۋاسىتە ئارقىلىق بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا ياكى ئادەمگە يەتكۈزمەك، ئەۋەتمەك. سوۋغا-سالام يوللىماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] رادىئو تارقاتقۇچى ئاپپاراتلار رادىئو سىگناللىرىنى تارقاتماق.

يولۇچى

  • يولۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەپەرگە چىققان، يول ئۈستىدىكى ئادەم.

يولۇقتۇرماق

  • يولۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «يولۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار سۇ ئىزدەپ يۈرۈپ بىر كونا قۇدۇقنى يولۇقتۇرۇپ قاپتۇ.

يولۇقماق

  • يولۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۇچ كەلمەك، ئۇچراشماق؛ مۇپتىلا بولماق، گىرىپتار بولماق:[مىسال:] يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار (ماقال).

يولۇقۇشماق

  • يولۇقۇشماق[يەشمىسى:] «يولۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سودا ئىشلىرى پۈتۈنلەي توختاپ سودىگەرلەر چوڭ پالاكەتكە يولۇقۇشتى.

يولۋاس

  • يولۋاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈكلىرى سېرىق، قارا ئالىسى بار، ئاڭلاش ۋە پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر ۋە ۋەھشىي كېلىدۇ. سۆڭىكى قېنى ۋە ئىچكى ئورگانلىرىدىن دورا ياسىغىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مۈچەل يىلى ھېسابىدىكى ئۈچىنچى يىل يەنى ئون ئىككى مۈچەلدىكى ھايۋاننىڭ ئۈچىنچىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يىل:[مىسال:] يولۋاس يىلى.

يولىماق

  • يولىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەسسىمەك، ئاياغ باسماق، يولۇقماق، بارماق:[مىسال:] شۇنداق ئۇزۇن مېڭىشىپ، بىر شەھەرگە يولاپتۇ.[يەشمىسى:] ② كەلمەك، كىرمەك:[مىسال:] ئول كېچە تاڭ ئاتقۇچە «قارا باتۇر»نىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ يولىمىدى.

يوليورۇق

  • يوليورۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يول+يورۇق[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قانداق قىلىش ياكى نېمە قىلىش ھەققىدە بېرىلگەن كۆرسەتمە:[مىسال:] يوليورۇق بەرمەك. يوليورۇق سورىماق.

يول-يول

  • يول-يول[يەشمىسى:] نەچچە يول، قاتار-قاتار، ئۇزۇن سىزىقلار چۈشۈرۈلگەن:[مىسال:] يول-يول بەقەسەم.

يوناق

  • يوناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەل، توغرا، ئۇدۇل، ماس:[مىسال:] يوناق كەلمەك.

يونۇتماق

  • يونۇتماق[يەشمىسى:] «يونۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يونۇشماق

  • يونۇشماق[يەشمىسى:] «يونۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يونۇق

  • يونۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يونۇلغان، يونۇپ ئېلىنغان:[مىسال:] يونۇق ياغاچ.

يونۇقلۇق

  • يونۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يونۇپ قويۇلغان، يونۇۋېلىنغان:[مىسال:] يونۇقلۇق ياغاچ.

يونۇلماق

  • يونۇلماق[يەشمىسى:] «يونۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يونۇماق

  • يونۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يونۇپ مەلۇم شەكىلگە كەلتۈرمەك، شىلىماق، تاراشلىماق:[مىسال:] يوغاننى يونۇپ يە، كىچىكىنى شىلىپ يە (ماقال).

يوھا

  • يوھا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇچار قانات، جان-جانىۋار، ھاشاراتلارنى دەم تارتىپ يەيدىغان ئەپسانىۋى مەخلۇق، ئەجدىھا. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يەپ تويماس، ئاچ كۆز.

يۇپقا

  • يۇپقا[مىسال:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېلىن ئەمەس، نېپىز:[مىسال:] يۇپقا كۆڭلەك.

يۇپۇڭ

  • يۇپۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېلىڭ، يۇپقا.

يۇپۇڭ-يالاڭ

  • يۇپۇڭ-يالاڭ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىيىم-كېچىكى يۇپقا، نېپىز، يېلىڭ.

يۇپىتېر

  • يۇپىتېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن بەشىنچى پلانېتا، قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرى 86.11 يىل بولۇپ بۇ يىل ئاسترونومىيىدە «يوپىتېر يىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى 9 سائەت 50 مىنۇت، ئۇ توققۇز پلانېتا ئىچىدىكى ھەجمى ئەڭ زور پلانېتا بولۇپ، ھەجمى يەر شارى ھەجمىنىڭ 1295 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، 14 ھەمراھى بار.

يۇتازا

  • يۇتازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] بىر خىل يېمەكلىك. ئادەتتە بولدۇرۇلغان مەخسۇس تەييارلانغان خېمىر نېپىزلىنىپ، يۈزىگە قوي مېيى سۈرتۈلۈپ، يۆگەپ ئۈزۈلگەندىن كېيىن، قاسقاندا دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

يۇتقۇزماق

  • يۇتقۇزماق[يەشمىسى:] «يۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇتقۇلۇق

  • يۇتقۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىلەن نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئورتاق يولى. بۇرۇن بوشلۇقى، ئېغىز بوشلۇقى ۋە كېكىردەك بوشلۇقىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان بولىدۇ.

يۇتقۇنچاق

  • يۇتقۇنچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئاساسەن مۇسكۇل ۋە شىللىق پەردىدىن تۈزۈلگەن نەيچە.

يۇتما

  • يۇتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان ئېرىق.

يۇتماق

  • يۇتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى ئېغىز ئارقىلىق گالدىن ئۆتكۈزمەك، يېمەك، ئىچمەك:[مىسال:] سۇ يۇتماق. نان يۇتماق.[يەشمىسى:] ② ئىچىگە تارتماق، سۈمۈرمەك:[مىسال:] ئىسنى يۇتماق. ھاۋا يۇتماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇتۇۋالماق، باسماق (ئاچچىق، غەزەپ قاتارلىقلارنى):[مىسال:] غەزىپىنى يۇتماق. دەردىنى يۇتماق.[يەشمىسى:] ④ غەرق قىلماق، ئۆلتۈرمەك، يوقاتماق:[مىسال:] كۆز يۇمۇپ ئېچىش ئارىلىقىدا ئۇلۇغ سۇ بىچارە توختىنى يۇتتى-دە، يۈزلىگەن تاغ ۋە چىملار، باغلام-باغلام شاخلار يارغا تاشلاندى

يۇتۇشماق

  • يۇتۇشماق[يەشمىسى:] «يۇتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇتۇلماق

  • يۇتۇلماق[يەشمىسى:] «يۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇتۇم

  • يۇتۇم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] بىرقېتىم ئىچىشكە، ئوتلاشقا بولىدىغان ئىچىملىكلەر ھەققىدە ئېيتىلىپ «ئوتلام» سۆزى بىلەن باراۋەر قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] بىر يۇتۇم چاي.

يۇدۇرماق

  • يۇدۇرماق[يەشمىسى:] «يۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇدى-يۇقى

  • يۇدى-يۇقى[يەشمىسى:] ① قالدى-قاتتى، قالدۇق، ئاخىرى، تۈگەنچىسى:[مىسال:] بىز ئۆيگە كىرگەندە قازان-قومۇچ پاك-پاكىز يۇيۇلۇپ بولغان، تاماقتىن تۈگۈل ئۇنىڭ يودى-يۇقىمۇ قالمىغانىكەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەكمۇ يېقىن ئەمەس، بىلىنەر-بىلىنمەس، شىرەم، يىراقراق:[مىسال:] كېيىن تاغ ئارقىسىدىن بارغان يۇدى-يۇقى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، قايتىشىدا بىللە ئاچىقىپ كەتكەن.

يۇرا

  • يۇرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] فرانسىيە بىلەن شۋېدسارىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاغنىڭ نامى.

يۇرا دەۋرى

  • يۇرا دەۋرى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنىڭ ئىككىنچى دەۋرى. تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەپ ئۈچ ئەسىرگە بۆلۈنىدۇ. تەخمىنەن 195 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ، 137 مىليون يىل بۇرۇن ئاياغلاشقان. بۇ دەۋردە تاغ پەيدا بولۇش ھەرىكىتى ۋە شىددەتلىك يانار تاغ ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. غايەت زور دىنازاۋۇرلار، ئۇچار دىنازاۋۇرلار ھەم باشلانغۇچ قۇشلار كۆرۈلگەن، ئۆسۈملۈكلەردىن تۆمۈر دەرەخ ۋە ئاق مېۋىلىك دەرەخلەر تەرەققىي قىلغان.

يۇرا سىستېمىسى

  • يۇرا سىستېمىسى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يۇرا دەۋرىدە شەكىللەنگەن يەر قاتلاملىرى.

يۇرت

  • يۇرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاھالە، خەلق توپلىشىپ، ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقان جاي:[مىسال:] يۇرت ئەھلى. يۇرت بېشى. يۇرت سورىماق.[يەشمىسى:] ② يۇرت ئاھالىسى:[مىسال:] يۇرتقا چاي بەرمەك.

يۇرت-جامائەت

  • يۇرت-جامائەت[يەشمىسى:] يۇرت ۋە جامائەت، ئەل-جامائەت، يۇرت خەلقى:[مىسال:] ئەتىسى يۇرت-جامائەت بۇزۇۋېتىلگ?Ⅸ?ئۆينىڭ خارابىلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنىشتى.

يۇرتچىلىق

  • يۇرتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «يۇرتدارچىلىق»قا قاراڭ.

يۇرتدارچىلىق

  • يۇرتدارچىلىق[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەل-يۇرت ئىچىدە بولىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەت ئىشلىرى:[مىسال:] يۇرتدارچىلىق قىلماق.

يۇرتداش

  • يۇرتداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر يۇرتتا بىللە ياشاۋاتقان ئادەم (بىر-بىرىگە نىسبەتەن)، بىر يۇرتلۇق:[مىسال:] بۇ ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈزلۈكى قازاق بولۇپ، غولجا تېكەسلىك ئىكەن، ئۇنىڭ كازىم بىلەن يۇرتداش چىققىنى تازىمۇ ياخشى بولدى.[يەشمىسى:] ② ۋەتەنداش.

يۇرتداشلىق

  • يۇرتداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر يۇرتلۇق مۇناسىۋىتى:[مىسال:] يۇرتداشلىقنىڭ يۈزىنى قىلماق.

يۇرتلۇق

  • يۇرتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر يەردە، بىر جايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكۈچى، بىللە ياشىغۇچى؛ يۇرتداش:[مىسال:] ياقا يۇرتلۇق. بىر يۇرتلۇق. * ئۇلار بىر يۇرتلۇق بولۇپ، پات-پات ئىزلىشىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ۋەتەنداش.

يۇرت-ماكان

  • يۇرت-ماكان[يەشمىسى:] يۇرت ۋە ماكان، تۇغۇلغان يېرى، ئولتۇراقلاشقان جايى، ۋەتىنى:[مىسال:] كىشى بارسا بەدەخشانغا، كابۇل بىلەن بىلۇرىستانغا، ئاندىن نېرى يۇرت-ماكانغا، نامى ئۇلۇغ ئوغلان كېلۇر.

يۇرتمۇيۇرت

  • يۇرتمۇيۇرت[يەشمىسى:] يۇرت ۋە يۇرت، ھەربىر يۇرت، يۇرتتىن-يۇرتقا، شەھەرمۇشەھەر:[مىسال:] تارقىتىپ پىتنىنىڭ ئۇرۇقلىرىنى، نېمىدەپ كاپشىدىڭ ساراڭ دىۋانە. دۈمبەڭمۇ قىچىشىپ قالغاندەك سېنىڭ، يۇرتمۇيۇرت تەمتىرىگەن تەتۈر پېشانە.

يۇرتۋاز

  • يۇرتۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز يۇرتىنى، يۇرتداشلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما باشقا يۇرتلۇقلارنى يەكلەيدىغان، ياقتۇرمايدىغان ئادەم:[مىسال:] بۇ يۇرتۋازلار مۇشۇنداق قىلىپ ئاخىرى پۈتۈن مىللەتنى ئېغىر بالايىئاپەت پاتقىقىغا ئىتتىرىدۇ.

يۇرتۋازلىق

  • يۇرتۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز يۇرتىنى ۋە يۇرتداشلىرىنى ياخشى كۆرۈپ، باشقا يۇرتلۇقلارنى يەكلەش، ياقتۇرماسلىق، بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش خاھىشى، قىلمىش:[مىسال:] ئويلايمەن ئۇلار نېچۈن كۆرمەيدىكىن، سىناقتىن پۈتكەن تارىخ بەتلىرىنى. يۇرتۋازلىق قىلىشتىن ئاز تارتتۇقمۇ بىز، جەڭگاھتا ئادىشىشنىڭ دەردلىرىنى.

يۇرچى

  • يۇرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] «ياۋچىلار»غا قاراڭ.

يۇرۇن

  • يۇرۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇراپىي ئادەت بويىچە پېرىخونلۇق قىلغاندا تۇغنىڭ بېشىغا باغلىنىدىغان نەرسىلەر:[مىسال:] ئارغامچىنىڭ تۈڭلۈككە تۇتىشىدىغان يېرىگە «يۇرۇن-ژۇرۇن» دەپ ئاتىلىدىغان ھەر خىل رەڭدىكى رەخت پارچىلىرىنى، ئالما ياكى قارا سۆگەت نوتىلىرىغا چىگىپ قويىدۇ.

يۇغۇچⅠ

  • يۇغۇچⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈچتىن يەتتىگىچە يېرىلىدۇ، گۈلى تاق جىنسلىق، رەڭگى سېرىق كېلىدۇ، مېۋىسى ئۇزۇن، تورلىشىپ كېتىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئائىلىلەردە قازان يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

يۇغۇچⅡ

  • يۇغۇچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىنە-قاچا، قازان-قومۇچ يۇيىدىغان لاتا؛ دەسمال.

يۇغۇر

  • يۇغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئېلىمىزنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا ياشايدۇ.

يۇغۇر تىلى

  • يۇغۇر تىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] يۇغۇرلار ئىشلىتىدىغان تىل. يۇغۇرلار ئادەتتە ئىككى خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ، بىرى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە؛ يەنە بىرى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ موڭغۇل تىللىرى تۈركۈمىگە كىرىدۇ. ئالدىنقىسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن يۇغۇر مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا؛ كېيىنكىسى شەرقىي قىسمىدا قوللىنىلىدۇ.

يۇغۇرتماق

  • يۇغۇرتماق[يەشمىسى:] «يۇغۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇغۇرچە

  • يۇغۇرچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇغۇر مىللىتى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] يۇغۇرچە ئۇسسۇل. يۇغۇرچە كىيىم. يۇغۇرچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② [مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇغۇر تىلى:[مىسال:] ئۇلار يۇغۇرچىنى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. يۇغۇر تىلىنى ئىشلىتىپ، يۇغۇر تىلىدا:[مىسال:] ئۇلار ئۆزئارا يۇغۇرچە سۆزلىشىپ كەتتى.

يوغۇرماق

  • يوغۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارىلاشتۇرۇپ ئەيلىمەك، قوشۇپ بىرلەشتۈرمەك:[مىسال:] خېمىر يۇغۇرماق.

يۇغۇرۇشماق

  • يۇغۇرۇشماق[يەشمىسى:] «يۇغۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇغۇرۇلما

  • يۇغۇرۇلما[مىسال:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇغۇرۇلغان، يۇغۇرۇلىدىغان:[مىسال:] يۇغۇرۇلما ئىرسىيەت.

يۇغۇرۇلماق

  • يۇغۇرۇلماق[يەشمىسى:] «يۇغۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇغۇزماق

  • يۇغۇزماق[يەشمىسى:] «يۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇق

  • يۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ يېپىشىپ قالغان قالدۇقى؛ يۇقۇندىسى:[مىسال:] خېمىر يۇقى. ئۇن يۇقى.

يۇقتۇرماق

  • يۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «يۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇقتۇرۇلماق

  • يۇقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «يۇقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇققاق

  • يۇققاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان يۇقىدىغان، تېز يۇقىدىغان، يېپىشقاق.

يۇقما

  • يۇقما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇقىدىغان، يۇقۇملۇق:[مىسال:] يۇقما ئاغرىق. يۇقما ئىللەت.

يۇقماق

  • يۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشقا نەرسىگە ئۆتمەك، باشقا نەرسىگە يېپىشماق، تەگمەك:[مىسال:] لاي يۇقماق. ئۆردەككە سۇ يۇقماس.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىم بىلەن سۇيۇقلۇق بىر-بىرىگە تەگكەن چاغدا ئۇلارنىڭ تېگىشىش يۈزلىرىنىڭ كېڭىيىش ھەم بىر-بىرىگە يېپىشىش ھادىسىسى پەيدا بولماق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى تەنچە بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا يۆتكەلمەك.

يۇقۇشلۇق

  • يۇقۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاسان يۇقىدىغان:[مىسال:] يۇقۇشلۇق توپا. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىلەر بىلەن ئاسان ۋە تېز چىقىشىپ كېتىدىغان، كىشىنى يات كۆرمەيدىغان؛ چىقىشقاق، ئىلەشكەك:[مىسال:] يۇقۇشلۇق ئادەم. يۇقۇشلۇق ئايال.

يۇقۇشماق

  • يۇقۇشماق[يەشمىسى:] «يۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇقۇمچان

  • يۇقۇمچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز يۇقىدىغان، يۇقۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە؛ يۇقۇملۇق:[مىسال:] تېز يۇقۇمچان كېسەل.

يۇقۇمچانلىق

  • يۇقۇمچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېز يۇقىدىغان خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك.

يۇقۇمسىز

  • يۇقۇمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا يۇقمايدىغان، تارقالمايدىغان، يۇقۇملۇق ئەمەس:[مىسال:] يۇقۇمسىز كېسەللىك.

يۇقۇمسىزلاندۇرماق

  • يۇقۇمسىزلاندۇرماق[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالماق، يۇقمايدىغان قىلماق، دېزىنفېكسىيە قىلماق.

يۇقۇمسىزلانماق

  • يۇقۇمسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇقۇمسىز ھالەتكە كەلمەك، يۇقمايدىغان بولماق.

يۇقۇملاندۇرماق

  • يۇقۇملاندۇرماق[يەشمىسى:] «يۇقۇملانماق» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ كۆپىنچە ئۆسمۈرلەردىكى بىرلەمچى خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ھېسابلىنىدۇ.

يۇقۇملاندۇرۇلماق

  • يۇقۇملاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «يۇقۇملاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇقۇملانماق

  • يۇقۇملانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر كېسەل يۇقماق، يېپىشماق، كېسەلگە دۇچار بولماق:[مىسال:] -گۈلگىنە ئۇنىڭغا جىددىي تىكىلىپ، ئېغىر يارىلىنىپسز، ئەگەر يۇقۇملانسا خەتەرلىك، قېنى تېز بولۇڭ دېدى.

يۇقۇملۇق

  • يۇقۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاسان، تېز يۇقىدىغان، يۇقۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] يۇقۇملۇق زۇكام.

يۇقۇندى

  • يۇقۇندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئاستىغا يېپىشىپ قالغان قالدۇق؛ سارقىندى:[مىسال:] ئۇ يەرگە قارىۋىدى، كۆزى ئازراق ماي يۇقۇندىسىغا چۈشتى.

يۇقىرى

  • يۇقىرى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىرنەرسىنىڭ باش تەرىپى، بېشى:[مىسال:] ئۆستەڭنىڭ يۇقىرىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئارتۇق، ئەلا:[مىسال:] يۇقىرى باھا. يۇقىرى مەكتەپ.∥ ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆينىڭ ئىشىكىگە، پەگەھقا نىسبەتەن قارىمۇقارىشى تەرەپتىكى جاي، تۆر:[مىسال:] بەگ بالىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، موللا زەيدىننى ھۆرمەت بىلەن يۇقىرى ئۆتكۈزدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېتەكچى تەشكىلات، رەھبىرى ئورگان:[مىسال:] سىز خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك ئىدى، -دېدىم ئۇنىڭغا.⑤ ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدىنقى، ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى:[مىسال:] ئۇ خەتنى چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ بەردى.

يۇقىرى پالاتا

  • يۇقىرى پالاتا[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بەزى دۆلەتلەردىكى ئىككى تۈزۈملۈك پارلامېنتنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى. يۇقىرى پالاتانىڭ تۆۋەن پالاتا ماقۇللىغان قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. پالاتا ئەزالىرى بىۋاسىتە سايلام ياكى دۆلەت باشلىقىنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆۋەن پالاتا ئەزالىرىنىڭكىدىن ئۇزۇنراق بولۇپ، بەزىلىرى ئۆمۈر بويى ۋەزىپە ئۆتىسە، يەنە بەزىلىرى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

  • يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئاپتۇموبىللارنىڭ تېز سۈرەتتە مېڭىشى ئۈچۈن ياسالغان تاشيول. ئادەتتە ئۇ سائىتىگە 120 كىلومېتىردىن ياكى ئۇنىڭدىن تېز سۈرئەت بىلەن يۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

يۇقىرىغا ياماشماق

  • يۇقىرىغا ياماشماق[يەشمىسى:] بىرەر مەنسەپ، مەرتىۋىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق، تىرىشماق.

يۇقىرى ئۆرلىمەك

  • يۇقىرى ئۆرلىمەك[يەشمىسى:] ① ئېگىزگە ئۇچماق، پەرۋاز قىلماق:[مىسال:] ئۇ بىردىن مېنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ يۇقىرى ئۆرلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەرتىۋىسى، ئورنى ئۆسمەك.

يۇقىرى-تۆۋەن

  • يۇقىرى-تۆۋەن[يەشمىسى:] يۇقىرى ۋە تۆۋەن، ئېگىز-پەس:[مىسال:] ھەر قانداق ئوقۇغۇچىنىڭ ئابرۇيى ۋە ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى، ئۇنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقىغا باغلىق.

يۇقىرىقى

  • يۇقىرىقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر جاي ياكى نەرسىنىڭ ئۈستكى قىسمىغا جايلاشقان، تۆپىسىدىكى، يۇقىرىدىكى، ئۈستىدىكى:[مىسال:] ئۇ جاۋاب بېرىپ بولۇپ، پۇل خالتىسىنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىقى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ۋاقىت جەھەتتە باشقىسىدىن ئىلگىرى بولغان، ئالدىنقى، ئاۋۋالقى، بۇرۇنقى، ئۆتكەنكى:[مىسال:] مەن ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ھەيرانلا قالدىم.

يۇقىرىلاتماق

  • يۇقىرىلاتماق[يەشمىسى:] «يۇقىرىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇقىرىلاشماق

  • يۇقىرىلاشماق[يەشمىسى:] «يۇقىرىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇقىرىلىق

  • يۇقىرىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇقىرى تۇرۇش، ئۈستۈنلۈك، ئارتۇقلۇق.

يۇقىرىلىماق

  • يۇقىرىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۈستىگە، تۆپە تەرەپكە كۆتۈرۈلمەك: يۇقىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەك:[مىسال:] مۇشۇ يولدىن يۇقىرىلاپ ماڭساڭ مەھەللىگە بارىسەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورنى، مەرتىۋىسى ئاشماق، ئۆسمەك.

يۇڭ

  • يۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن قىرقىۋېلىنىدىغان مەھسۇلات؛ موي:[مىسال:] يۇڭ قىرقىماق. كۈزەم يۇڭ. يۇڭ ئاتماق.

يۇڭ توقماق

  • يۇڭ توقماق[يەشمىسى:] سىلىق-سىپايە، يۇمشاق سۆزلەر بىلەن دەككە بېرىدىغان ئۇسۇل:[مىسال:] باشلىق يۇڭ توقماق بىلەن كاسسىرنىڭ ئەدىپىنى بەردى.

يۇڭداتماق

  • يۇڭداتماق[يەشمىسى:] «يۇڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجسى.

يۇڭداشماق

  • يۇڭداشماق[يەشمىسى:] «يۇڭدىماق»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇڭدالماق

  • يۇڭدالماق[يەشمىسى:] «يۇڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇڭدىماق

  • يۇڭدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تارتماق، يۇلماق:[مىسال:] توخۇنى يۇڭدىماق. ساقالنى يۇڭدىماق.

يۇڭسىز

  • يۇڭسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدىنىدە، ئۈستىدە تۈكى، مويى يوق؛[يەشمىسى:] تاقىر:[مىسال:] يۇڭسىز تېرە.

يۇڭلۇق

  • يۇڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەدىنىدە، ئۈستىدە يۇڭى بار، يۇڭى كۆپ، ئۈستى يۇڭ بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] يۇڭلۇق قوي. يۇڭلۇق تېرە.

يۇڭۇزلىماق

  • يۇڭۇزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۇڭدىماق.

يۇلتۇز

  • يۇلتۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاسمان بوشلۇقىدىكى قۇياش ۋە ئايدىن باشقا ئاددىي كۆز ۋە دۇربۇن بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان يورۇق ئاسمان جىسمى.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

يۇلتۇز سانىماق

  • يۇلتۇز سانىماق[يەشمىسى:] تۈن بويى ئۇخلىماي ياتماق، ئۇخلىيالماي چىقماق:[مىسال:] ھېكىم شۇ قىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، يۇلتۇز ساناپ تاڭ ئاتقۇزاتتى.

يۇلتۇز ئۆي

  • يۇلتۇز ئۆي[يەشمىسى:] كۆپ ئېغىزلىق ئۆيلەرنىڭ ئائىلە باشلىقى ئايالى تۇرىدىغان ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسى.

يۇلتۇزى بىر

  • يۇلتۇزى بىر[يەشمىسى:] تەقدىرى، قىسمىتى، نىكاھى بىر-بىرىگە باغلانغان (ئەر-ئاياللارنىڭ):[مىسال:] خۇدا ئۇلارنىڭ يۇلتۇزىنى بىر قىلغانىكەن، -دېدى موللام.

يۇلتۇزى ئۆچمەك

  • يۇلتۇزى ئۆچمەك[يەشمىسى:] بەخت-تەلىيى قاچماق، رىزقى-نېسىۋىسى تۈگىمەك، بۇ دۇنيادىن كەتمەك، ئۆلمەك.

يۇلتۇزگۈل

  • يۇلتۇزگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يۇلتۇز+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئېللىپىسسىمان تۆمۈنە شەكلىدە كېلىدۇ. ئورۇق مېۋىسى تۈكلۈك بولىدۇ. يىلتىزى ۋە يىلتىز غولى دورا قىلىنىدۇ.

يۇلتۇزلۇق

  • يۇلتۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇلتۇز چىققان، يۇلتۇزلار كۆرۈنۈپ تۇرغان:[مىسال:] سالقىن شاماللىق جىمجىت كېچىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان كۆڭلۈمگە ئارام بېرەتتى.

يۇلدۇرماق

  • يۇلدۇرماق[يەشمىسى:] «يۇلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇلغۇن

  • يۇلغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يۇلغۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. كونا شاخلىرى قىزىل رەڭدە، يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكلىدە، گۈلى سۇس قىزىل، مېۋىسى غوزىلىق مېۋە. ئورۇقىدا تۈكلىرى بار. شىنجاڭدا ئۇنىڭ توققۇز خىل تۈرى بولۇپ، شور ۋە قۇرغاقچىلىققا چىداملىق كېلىدۇ، قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى يۇقىرى.

يۇلغۇن چېچىكى رەڭ

  • يۇلغۇن چېچىكى رەڭ[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] يۇلغۇن چېچىكىگە ئوخشاش رەڭ، يەنى قىزىلغا مايىل سۇس سۆسۈن بولغان بىر خىل مۇرەككەپ رەڭ.

يۇلغۇن مېۋىسى

  • يۇلغۇن مېۋىسى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كىچىك يۇلغۇننىڭ مېۋىسى. شار شەكلىدە بولۇپ، نوقۇتتىن چوڭراق كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئىچ قاتۇرۇش، ئېغىزدىن ۋە بالىياتقۇدىن كېلىدىغان قانلارنى توختىتىش، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.

يۇلغۇنلۇق

  • يۇلغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇلغۇن كۆپ ئۆسكەن، يۇلغۇن بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپلا يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا كىرىپ غايىب بولدى.

يۇلقۇنماق

  • يۇلقۇنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باغلاقتىن ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدىن بوشىنىش، چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كۈچەپ ھەرىكەت قىلماق، ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرماق، سىلكىنمەك:[مىسال:] قولۇمدىن يولقۇنۇپ چىقىپ كەتتى.

يۇلقۇنۇشماق

  • يۇلقۇنۇشماق[يەشمىسى:] «يۇلقۇنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇلماق

  • يۇلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى قول بىلەن سۇغۇرۇپ، قومۇرۇپ ئالماق:[مىسال:] تىلىنى چىشلىۋالغان چىشىنى يۇلۇۋەتمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [مىسال:] [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەپ ئالماق، پايدا تاپماق، ئۈندۈرمەك:[مىسال:] قازى ئىككى باينىڭ گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىككى ئارىدىن كۆپرەك بىرنەرسە يۇلۇش قەستىگە چۈشۈپتۇ.

يۇلۇشماق

  • يۇلۇشماق[يەشمىسى:] «يۇلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇلۇن

  • يۇلۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى. ئومۇرتقا كانىلى ئىچىگە ئورۇنلاشقان. يۇقىرىقى ئۇچى ئۇزۇنچاق مېڭە بىلەن تۇتاشقان، ئىككى ياندىن سىممېترىك ھالدا نېرۋىلار چىققان بولۇپ، قول-پۇت، گەۋدە ۋە ئىچكى ئەزغا تارقىلىدۇ. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئاددىي رېفلېكىسلارنىڭ مەركىزىدۇر.

يۇلۇنماق

  • يۇلۇنماق[يەشمىسى:] «يۇلماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇماق

  • يۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەينەت نەرسىلەرنى سۇ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن چايقاپ پاكىزلىمەك، تازىلىماق:[مىسال:] كىر يۇماق. يۈزىنى يۇماق.[يەشمىسى:] ② فوتو نېگاتىپلىرىنىڭ سۈرىتىنى چىقارماق:[مىسال:] رەسىم يۇماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياخشى ئىش قىلىپ، خىزمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق خاتالىقىنى تۈزەتمەك:[مىسال:] گۇناھىنى يۇماق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر خاتالىق، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويۇش تۈپەيلىدىن خەيرلىك، ياخشى ئىشلىرىنى يوققا چىقارماق:[مىسال:] مۇشۇ بىر ئىشىڭ بىلەن نەچچە يىلدىن بېرى قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭنى يۇۋەتتىڭ-دە، ئىسىت، دېدى دادىسى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت، نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ زىياپىتىدە بولماق:[مىسال:] بىزنىڭ قولۇم-قوشنىلار ئازغىنە بىر يېڭىلىق بولغاننى كۆرسە يۇيىمىز دەپ ئون-يىگىرمە تەڭگە خەجلەتكۈزمەي قالمايدۇ.

يۇمچاقلىماق

  • يۇمچاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزىنى قىسىپ قويماق، كۆز ئىشارىسى قىلماق، يۇمۇشلىماق:[مىسال:] كامال ماڭا قاراپ كۆزىنى يۇمچاقلاپ قويدى.

يۇمدۇرماق

  • يۇمدۇرماق[يەشمىسى:] «يۇمماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مومايلاردىن بىرى كېلىپ گۈلسۈمخاننىڭ كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇمدۇردى.

يۇمران

  • يۇمران[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆسۈۋاتقان، بىخ ھالەتتىكى؛ قېتىشمىغان، يۇمشاق:[مىسال:] يۇمران كۆچەت. يۇمران مايسا.

يۇمرانلاشماق

  • يۇمرانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇمشاق، يۇمران ھالەتكە كەلمەك.

يۇمشاتماق

  • يۇمشاتماق[يەشمىسى:] «يۇمشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇمشاشماق

  • يۇمشاشماق[يەشمىسى:] «يۇمشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇمشاق

  • يۇمشاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتتىق ئەمەس، يۇمران:[مىسال:] يۇمشاق كۆرپە. يۇمشاق نان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېنىك، يەڭگىل، سىلىق:[مىسال:] يۇمشاق چارە. يۇمشاق ۋاسىتە.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن تومپىيىپ چىققان جاي:[مىسال:] يۇمشاق چۈشمەك.

يۇمشاق باش

  • يۇمشاق باش[يەشمىسى:] ئەر-خوتۇنچىلىقتا خوتۇنىنىڭ نومۇسسىز، ناشايان ئىشلىرىغا يول قويىدىغان، كۆرسىمۇ، بىلسىمۇ، كۆرمەسكە، بىلمەسكە سېلىپ سۈكۈت قىلىدىغان، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرىدىغان ئادەم:[مىسال:] ئۆيدىكى ھېلىقى خېلى يۇمشاق باش، ئەتىسى-ئاخشىمى بىزنىڭكىنى كۆپرەك يوقلاپ تۇرسىلا، دېدى ئاسىمخان.∥يۇمشاق باش ئادەم.

يۇمشاق قول

  • يۇمشاق قول[يەشمىسى:] كىشىنى رەنجىتمەيدىغان، كۆڭلى يۇمشاق، رەھىمدىل، شەپقەتلىك:[مىسال:] خەلىپە رەھىمدىل، يۇمشاق قول زات ئىدى.

يۇمشاق گەدەن

  • يۇمشاق گەدەن[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشىلىق قىلمايدىغان، باشقىلار نېمە دېسە كۆنىدىغان، بوينى يۇمشاق.

يۇمشاق ماتېرىيال

  • يۇمشاق ماتېرىيال[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدىكى تۈرلۈك تەرتىپ سىستېمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ تەرتىپ-بۇيرۇقنىڭ رەتلىك قوشۇلمىسى يەنى ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ مەسىلىلەرنى يېشىشتىكى خىزمەت تەرتىپىدۇر.

يۇمشاقلاشماق

  • يۇمشاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇمشاق ھالەتكە كەلمەك، يۇمشاق تۈس ئالماق، يۇمشىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ تەلەپپۇزى بايىقىدىن يۇمشاقلاشتى.

يۇمشاقلىق

  • يۇمشاقلىق[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتتىق بولمىغان، يۇمشاق ھالەت، خاراكتېر:[مىسال:] دۇنيادا ئارتۇق قاتتىقلىق قىلما، يالغۇز قالىسەن، ئارتۇق يۇمشاقلىق قىلساڭ قەدىرسىز بولىسەن.

يۇمشىتىلماق

  • يۇمشىتىلماق[يەشمىسى:] «يۇمشاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇمشىماق

  • يۇمشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۇمشاق ھالغا كەلمەك، بوشىماق:[مىسال:] توغاچلار يۇمشىدىمىكىن[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيلىدىن، ئاچچىقىدىن يانماق؛ سىلىقلاشماق:[مىسال:] قاسىمجاننىڭ بۇ ساددا سۆزىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى يۇمشىدى.

يۇمغاق

  • يۇمغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۇمىلاق قىلىپ تۈرۈلگەن يىپ، كاللەك يىپ.

يۇمغاقسۈت

  • يۇمغاقسۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يۇمغاق+سۈت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ۋە يوپۇرمىقى خۇشبۇي پۇرايدۇ، يۇمران غولى ۋە يوپۇرمىقى تەم تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقىدەك

  • يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقىدەك[يەشمىسى:] تازا يېقىن ئەمەس، سەل يىراقراق، شىرەم (ئۇرۇق-تۇغقان ھەققىدە):[مىسال:] ھېلىقى باشلىق بىزگە يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقىدەك تۇغقانچىلىقى بار چىقىپ قالدى.

يۇمماق

  • يۇمماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆز، ئېغىز، قول قاتارلىق ئېچىلىدىغان، يېپىلىدىغان نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە تەگكۈزۈپ ھىم قىلماق، بىرىكتۈرمەك:[مىسال:] كۆز يۇمماق. ئاغزىنى يۇمماق.

يۇمۇر

  • يۇمۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تۇرمۇشتىكى كۈلكىلىك، قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ نۇقسانلىرى، ئۇلارنىڭ كەمچىلىك تەرەپلىرى ھەزىل ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈلكىلىك ۋە قىزىق قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بەدىئىي ئەسەر.

يۇمۇرىغا يۇقماسلىق

  • يۇمۇرىغا يۇقماسلىق[يەشمىسى:] قىلچە تەسىر قىلماسلىق.

يۇمۇرچى

  • يۇمۇرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇمۇر يازىدىغان ھەم يۇمۇر ئېيتىدىغان كىشى، قىزىقچى.

يۇمۇرچىلىق

  • يۇمۇرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇمۇر يېزىش، يۇمۇر ئېيتىش ئىشى.

يۇمۇرلۇق

  • يۇمۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەجۋىي تۈس ئالغان، كۈلكىلىك:[مىسال:] يۇمۇرلۇق گەپ.

يۇمۇرماق

  • يۇمۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قومۇرماق، يونۇماق، ئاغدۇرماق.

يۇمۇشلىماق

  • يۇمۇشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇمۇش ئىشىنى بېجىرمەك، يۇمغاندەك ئىشلارنى قىلماق؛ قىسماق (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇشلاپ قويدى.

يۇمۇشماق

  • يۇمۇشماق[يەشمىسى:] «يۇمماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇمۇق

  • يۇمۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمۇلغان، يۇمۇپ قويۇلغان؛ يۇمۇقلۇق:[مىسال:] كۆزى يۇمۇق..

يۇمۇقلۇق

  • يۇمۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمۇلغان، يۇمۇپ قويۇلغان:[مىسال:] ئوسماننىڭ كۆزلىرى يۇمۇقلۇق، چىشلىرى كىرىشكەن بولۇپ، ھوشىدىن كېتىپ قالغانىدى.

يۇمۇلماق

  • يۇمۇلماق[يەشمىسى:] «يۇمماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇمىلاتماق

  • يۇمىلاتماق[يەشمىسى:] «يۇمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇمىلاچ

  • يۇمىلاچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۇمىلاقلانغان، يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن.

يۇمىلاشماق

  • يۇمىلاشماق[يەشمىسى:] «يۇمىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇمىلاق

  • يۇمىلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئايلانما شەكىللىك، ئايلانما؛ دۈگىلەك، دومىلاق:[مىسال:] يۇمىلاق ئورۇندۇق.

يۇمىلاق تاۋۇز

  • يۇمىلاق تاۋۇز[يەشمىسى:] مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق، دائىم ئېغىپ تۇرىدىغان، تۇراقسىز، مەۋقەسىز.

يۇمىلاقلاتماق

  • يۇمىلاقلاتماق[يەشمىسى:] «يۇمىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۇمىلاقلاشماق

  • يۇمىلاقلاشماق[يەشمىسى:] «يۇمىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇمىلاقلانماق

  • يۇمىلاقلانماق[يەشمىسى:] «يۇمىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇمىلاقلىق

  • يۇمىلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئايلانما، دۈگىلەك، يۇمىلاق ھالەت.

يۇمىلاقلىماق

  • يۇمىلاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرمەك، يۇمىلاق قىلماق:[مىسال:] سوزۇپ گۇمدىن تاشنى ئۇ، سىلىقلاپتۇ يۈزىنى. ئاندىن چاققا بېسىپتۇ، يۇمىلاقلاپ كېسىپتۇ.

يۇمىلانماق

  • يۇمىلانماق[يەشمىسى:] «يۇمىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

يۇمىلىماق

  • يۇمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دومىلىماق، دۈگىلىمەك:[مىسال:] سۇ يەتتە يۇمىلىسا ھالال (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاغماق، يۈز ئۆرۈمەك.

يۇمىنسۇ

  • يۇمىنسۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا ئۆسۈملۈكى. توپ چىقىپ، تال-تال بولۇپ يوغىنايدۇ، بىر مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ، ئاچچىق بولۇپ، ئۇلاغ يېمەيدۇ، تۇغقان ئاياللارنىڭ قورسىقىدا يەل پەيدا بولۇپ قالغاندا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ساقىيىدۇ.

يۇم-يۇم

  • يۇم-يۇم[يەشمىسى:] «يۇم-يۇم يىغلىماق»قا قاراڭ.

يۇم-يۇم يىغلىماق

  • يۇم-يۇم يىغلىماق[يەشمىسى:] ئۈن چىقارماي ئۈزلۈكسىز ياش تۆكمەك، ئۈنسىز يىغلىماق:[مىسال:] بوۋاي بىرھازاغىچە يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتى.

يۇنان

  • يۇنان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قەدىمكى گرېتسىيە.

يۇندى

  • يۇندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قازان، چىنە-قاچا، كىيىم-كېچەك، يۈز-قوللارنى يۇغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان مەينەت سۇ:[مىسال:] يۇندى قۇدۇقى. يۇندى تۆكمەك.

يۇندى چىراي

  • يۇندى چىراي[يەشمىسى:] يۈز-كۆزى قارا-قۇرا، مەينەت.

يۇندىسىنى ئىتقا كۆرسەتمەيدىغان

  • يۇندىسىنى ئىتقا كۆرسەتمەيدىغان[يەشمىسى:] كىشىلەرگە نەپ بەرمەيدىغان، ناھايىتى پىخسىق، بېخىل.

يۇندىپۇرۇش

  • يۇندىپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاشخانىلاردا ياكى چوڭ ئائىلىلەردە مەخسۇس يۇندى توشۇش، تۆكۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غالچا:[مىسال:] ئاپلا، ما يۇندىپۇرۇشنى، دېدى ئۇ تاقەت قىلالماي.

يۇندىپۇرۇشلۇق

  • يۇندىپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۇندى توشۇش، يۇندى تۆكۈش ئىشى، يۇندىپۇرۇشلار قىلىدىغان ئىش:[مىسال:] قاچانغىچە يۇندىپۇرۇشلۇق قىلىدىغاندۇ بۇ[يەشمىسى:] ② غالچىلىق.

يۇندىخور

  • يۇندىخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ كۈن كەچۈرىدىغان كىشى، مالاي، غالچا.

يۇندىخورلۇق

  • يۇندىخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالايلىق، غالچىلىق:[مىسال:] يۇندىخورلۇق قىلماق.

يۇندىكەش

  • يۇندىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ كىر-قېتىنى يۇيۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ جان باقىدىغان ئادەم؛ چاكار، مالاي.

يۇندىكەشلىك

  • يۇندىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاكارلىق، مالايلىق:[مىسال:] يۇندىكەشلىك قىلماق.

يۇيما

  • يۇيما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇيۇلغان:[مىسال:] يۇيما تاش سۇۋاق.

يۇيۇپ-تاراپ

  • يۇيۇپ-تاراپ[يەشمىسى:] يۇيۇپ ۋە تاراپ:[مىسال:] موللا زەيدىننىڭ ئايالى ئايىمخان قىزى سەترەمنىڭ چېچىنى يۇيۇپ-تاراپ ئولتۇراتتى.

يۇيۇشماق

  • يۇيۇشماق[يەشمىسى:] «يۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۇيۇق

  • يۇيۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇيۇش، يۇيۇش ئىشى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇيۇلغان.

يۇيۇقسىز

  • يۇيۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇيۇلمىغان، تازىلانمىغان؛ كىر، مەينەت، پاسكىنا:[مىسال:] يۇيۇقسىز قاچا. يۇيۇقسىز كىيىم.

يۇيۇقلۇق

  • يۇيۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇيۇلغان، تازىلانغان، تازا، پاكىز:[مىسال:] يۇيۇقلۇق چىنە. يۇيۇقلۇق كىيىم.

يۇيۇلماق

  • يۇيۇلماق[يەشمىسى:] «يۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۇيۇنماق

  • يۇيۇنماق[يەشمىسى:] «يۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مۇھەممەت گىمناستىكىنى تۈگىتىپ، ئېرىقتىكى سۈزۈك سۇدا يۇيۇندى.

يۆتەل

  • يۆتەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] كاناي ۋە كانايچىلار ياللۇغلانغاندا، يات نەرسىلەر، فىزىكىلىق ياكى خىمىيىلىك نەرسىلەر غىدىقلىغاندا پەيدا بولۇدىغان مۇداپىئە رېفلېكسى. يۆتەلگەندە، ئالدى بىلەن ئاۋاز يوچۇقى ھىم يېپىلىدۇ. نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرى قىسقىراپ، ئۆپكىنىڭ ئىچكى بېسىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاۋاز يوچۇقى ئېچىلىپ، ئۆپكىدىكى ھاۋا ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ نەپەسلىنىش يولىدىكى يات نەرسىلەرنى تازىلاش ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىش رولى بار. يۆتەل نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامىتى بولۇپ، سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.

يۆتەلدۈرمەك

  • يۆتەلدۈرمەك[يەشمىسى:] «يۆتەلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۆتەللىك

  • يۆتەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يۆتىلى بار. [يەشمىسى:] ② يۆتەل ياندىشىپ كېلىدىغان ياكى ئارىلاشقان.

يۆتەلمەك

  • يۆتەلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەپەس يولىنىڭ غىدىقلىنىشى، قىچىشىشى ياكى كېسەللىنىشى تۈپەيلىدىن خىرىلداق ۋە شاۋقۇن ئارىلاش قېقىلىپ-قېقىلىپ كۈچلۈك زەرب بىلەن نەپەس چىقارماق:[مىسال:] كېچە جىمجىتلىقىنى بوۋاينىڭ ئارىلاپ-ئارىلاپ يۆتەلگەن ئاۋازى بۇزۇپ تۇراتتى.

يۆتكەتمەك

  • يۆتكەتمەك[يەشمىسى:] «يۆتكىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۆتكەشمەك

  • يۆتكەشمەك[يەشمىسى:] «يۆتكىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۆتكەلمە

  • يۆتكەلمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆتكىلىدىغان، يۆتكەشكە بولىدىغان، كۆچمە:[مىسال:] يۆتكەلمە مەبلەغ.

يۆتكەلمەك

  • يۆتكەلمەك[يەشمىسى:] «يۆتكىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

يۆتكىگۈچى

  • يۆتكىگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆتكەش رولىنى ئوينايدىغان، يۆتكەش خىزمىتىنى قىلىدىغان، يۆتكەيدىغان:[مىسال:] يۆتكىگۈچى فاكتور.

يۆتكىلىشچان

  • يۆتكىلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆتكىلىپ تۇرىدىغان، يۆتكىلىدىغان:[مىسال:] لوپنۇر كۆلى جۇڭگودىكى مەشھۇر يۆتكىلىشچان كۆل.

يۆتكىمەك

  • يۆتكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى ئەسلىي ئورنىدىن قوزغىماق، توشۇماق، كۆچۈرمەك:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئاشلىقنى كېچىسى ئاپتوموبىل بىلەن شەھەرگە يۆتكەۋاتقانمىش.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۇرىماق، ئۆزگەرتمەك (گەپ-سۆز، چاقچاق ھەققىدە):[مىسال:] كامالنىڭ سۆز قىستۇرۇشى بىلەنلا كۆپچىلىك گەپنى بىردىنلا توي ئۈستىگە يۆتكىدى. * ئۇ ئەمدى كۆزلىرىنى پەنجىرىدىن يۆتكىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭىلىماق، ئالماشتۇرماق:[مىسال:] كىيىم يۆتكىمەك. پەدە يۆتكىمەك.

يۆتۈك

  • يۆتۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تولۇقلىما، قوشۇمچە.

يۆتىلىشمەك

  • يۆتىلىشمەك[يەشمىسى:] «يۆتەلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۆگەتمەك

  • يۆگەتمەك[يەشمىسى:] «يۆگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۆگەشتۈرمەك

  • يۆگەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۆگەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلماق:[مىسال:] ئۇ بۇغچىمىلىرىنى يۆگەشتۈرۈپ ئالدىراپ ئۆيدىن چىقتى.

يۆگەشمە

  • يۆگەشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆگىشىپ تۇرىدىغان، بىر-بىرىگە چىرماشقان، ئۆزئارا گىرەلەشكەن:[مىسال:] يۆگەشمە يوللار.

يۆگەشمەك

  • يۆگەشمەك[يەشمىسى:] ① «يۆگىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھە دەپ داستىخانلىرىنى يۆگىشىپ، ئۆيدىن چىقىشقا ئالدىراشماقتا.[يەشمىسى:] ② يۆگەلمەك:[مىسال:] قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى ئۇنىڭ ئەۋرىشىم بويلىرىغا يۆگەشكەن ئىكەن.

يۆگەك

  • يۆگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوۋاقلارنى يۆگەيدىغان ياكى ئاستىغا سالىدىغان بۇيۇم؛ زاكا.

يۆگەكلىك

  • يۆگەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يۆگەلگەن، يۆگەپ قويۇلغان:[مىسال:] يۆگەكلىك بالا.[يەشمىسى:] ② يۆگەك قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان، يۆگەك قىلىشقا بولىدىغان:[مىسال:] يۆگەكلىك رەخت.

يۆگەلمەك

  • يۆگەلمەك[يەشمىسى:] «يۆگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۆگەم

  • يۆگەم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورالغان، يۆگەپ قويۇلغان:[مىسال:] يۆگەم مېتىر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ ئورالغان ياكى يۆگىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر يۆگەم يىپ. ئىككى يۆگەم تاماكا.

يۆگەنمەك

  • يۆگەنمەك[يەشمىسى:] «يۆگىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

يۆگەي

  • يۆگەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يۆگىمەچ ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يىپتەك ناھايىتى ئىنچىكە ھەم سېرىق. كۆپىنچە پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۈستىدە پارازىت ياشايدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە زىيانلىق. ئۇرۇقى سارغۇچ قوڭۇر بولۇپ، دورا قىلىنىدۇ. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولىغا ئىگە.

يۆگىمە

  • يۆگىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆگىلىدىغان، يۆگەپ قويۇلىدىغان:[مىسال:] يۆگىمە خەرىتە. يۆگىمە سۈرەت.

يۆگىمەچⅠ

  • يۆگىمەچⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يۆگىمەچ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يۆگىشىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئوقياسىمان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن بولىدۇ. غوزا مېۋىسى شار شەكىللىك. يىلتىزىدىن كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى. گۈلى دورا قىلىنىدۇ، قان توختىتىش رولىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆگەلگەن، يۆگەلگەن ھالەتتىكى:[مىسال:] يۆگىمەچ غول.

يۆگىمەچⅡ

  • يۆگىمەچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۆگەم-يۆگەم قىلىپ قاسقاندا پىشۇرۇلىدىغان ھورنان؛ خۇاجەر.

يۆگىمەك

  • يۆگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىنى بىرەر نەرسە بىلەن بەلگىلىك شەكىلدە ئورىماق:[مىسال:] سەللە يۆگىمەك.

يۆگىنىشمەك

  • يۆگىنىشمەك[يەشمىسى:] «يۆگەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۆلەتمەك

  • يۆلەتمەك[يەشمىسى:] «يۆلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يېتىمنىڭ كۈنى قانچىدۇر، چىۋىنگە مۇنارنى يۆلەتكۈنچىدۇر (ماقال).

يۆلەشتۈرمەك

  • يۆلەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۆلەش ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماق:[مىسال:] بوۋاي يېنىمغا كېلىپ مېنى يۆلەشتۈردى.

يۆلەشمەك

  • يۆلەشمەك[يەشمىسى:] «يۆلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئۇنى كۆپ يۆلەشتى.

يۆلەك

  • يۆلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى يۆلەپ، كۆتۈرۈپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قويۇلىدىغان مەلۇم ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ، تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەر؛ تىرەك، تۈۋرۈك، تايانچ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۆلەيدىغان، قوللايدىغان، ياردەم بېرىدىغان ئادەم؛ ھەمراھ، مەدەتكار، پاناھ:[مىسال:] يۆلەك بولماق. * قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك بول (ماقال).

يۆلەكچى

  • يۆلەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگۈچى، مەدەت بەرگۈچى، ھېمايە قىلغۇچى؛ قوغدىغۇچى، ھامىي:[مىسال:] يۆلەكچى بولماق.

يۆلەكچىلىك

  • يۆلەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، مەدەتكارلىق، ھامىيلىق.

يۆلەكلىك

  • يۆلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆلەنگەن، يۆلەپ قويۇلغان:[مىسال:] مەن يوتقاندىن قولۇمنى چىقىرىپ بېشىمدىكى يۆلەكلىك مىلتىقىمنى ئانچە-مۇنچە سىلاپ قوياتتىم.

يۆلەنچۈك

  • يۆلەنچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۆلىنىدىغان نەرسە، تايانچۇق:[مىسال:] ئۇ ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ، سىم كارىۋاتنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىنى تىرەپ ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يار-يۆلەك بولغۇچى، ياردەمچى، ھامىي:[مىسال:] ئوغۇل بالا ئانىنىڭ نەزىرىدە قايناق تۇرمۇش كۈرىشىدە بىرلىكتە ئۈزۈپ ماڭغۇچى يۆلەنچۈك ئىدى.

يۆلەنچۈكسىز

  • يۆلەنچۈكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆلەنچۈكى يوق، يۆلەنچۈكى بولمىغان:[مىسال:] ھەر قېتىم بۇ جاھان بىلەن خوشلاشماقچى بولغىنىمدا، ئاجىز، يۆلەنچۈكسىز دادام كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.

يۆلەنچۈكلۈك

  • يۆلەنچۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆلەنچۈكى بار، يۆلەنچۈك ئورنىتىلغان:[مىسال:] يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق.

يۆلەنچى

  • يۆلەنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارقا تىرەك، قوللىغۇچى، ھامىي:[مىسال:] ئۇنىڭغا تاغدەك يۆلەنچى بولىدىغان دوستى قاتناش ھادىسىسىدە قازا تاپتى.

يۆلەنچىسىز

  • يۆلەنچىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆلەنچىسى يوق، يۆلەنچىسى بولمىغان، يار-يۆلەكسىز:[مىسال:] دادام تۈرمىدە، ئانام بولسا ئاغرىقچان، ئۇكىلىرىم كىچىك، مەن بولسام ئەنە يۆلەنچىسىز قالغان ئانامنى يىلدا بىرەر قېتىملا يوقلىيالايمەن.

يۆلەنمە

  • يۆلەنمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆلىنىدىغان، يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان:[مىسال:] يۆلەنمە ئورۇندۇق.

يۆلەنمەك

  • يۆلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە تىرەنمەك، تايانماق:[مىسال:] تامغا يۆلەنمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مەقسەت ۋە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىرەر نەرسىنى مەنبە، تايانچ، ئاساس قىلماق، ئۇنىڭغا تايانماق:[مىسال:] ئەلۋەتتە شۇنداق، دېدى نىزامىدىن، ئۇرۇش قىلىشتا كۆپچىلىككە يۆلەنمەي بولمايدۇ.

يۆلىمەك

  • يۆلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆرۈلگەن، يىقىلغان ياكى ئۆرۈلۈش، يىقىلىش ئالدىدا تۇرغان نەرسىنى قول، مۈرە قاتارلىقلار بىلەن تۇرغۇزۇش، ئۆرە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق؛ ئۆرە قىلماق، تۇرغۇزماق:[مىسال:] ھاكىمجان يۈگۈرۈپ بېرىپ دادىسىنىڭ بېشىنى يۆلىدى.[يەشمىسى:] ② تىكلىمەك، تىرەپ قويماق:[مىسال:] قىز يەردە ياتقان ۋېلىسىپىتنى يۆلەپ تۇرغۇزدى.[يەشمىسى:] ③ يېنىغا، ئەتراپىغا توپا قاتارلىقلارنى دۆۋىلىمەك، ئۈستى-ئۈستىگە قويماق:[مىسال:] ياڭيوغا توپا يۆلىمەك. قوناققا توپا يۆلىمەك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياردەم بەرمەك، ھەمدە بولماق، قوللىماق:[مىسال:] كەمبەغەللەرنى يۆلىمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارتماق، ئىتتىرىپ قويماق، تاقىماق:[مىسال:] قازى، بوجاڭ، شاڭيولار مىنگەن ئىدى يوغان ئات. دىنغا يۆلەپ بىزلەرنى ئەزگەنىدى قاتمۇقات.

يۆمەپ-چۆمەپ

  • يۆمەپ-چۆمەپ[يەشمىسى:] يۆمەپ ۋە چۆمەپ، يۆمەپ ۋە شۇ خىل ئىشلارنى قىلىپ:[مىسال:] يۆمەپ-چۆمەپ بىردەمدىلا تۆگەتتىم.

يۆمەتمەك

  • يۆمەتمەك[يەشمىسى:] «يۆمىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۆمەشتۈرمەك

  • يۆمەشتۈرمەك[يەشمىسى:] يۆمەش ۋە شۇ خىل ئىش-ھەرىكەتنى قىلماق.

يۆمەشمەك

  • يۆمەشمەك[يەشمىسى:] «يۆمىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۆمەك

  • يۆمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىرتىلغان كىيىم ياكى پىچىلغان رەختلەرنىڭ چاكلىرىنى تۆنەپ تىكىدىغان بىر خىل تىكىش ئۇسۇلى.

يۆمەكلىك

  • يۆمەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆمەلگەن، يۆمەپ قويۇلغان:[مىسال:] چاپىنىمنىڭ يىرتىلغان يىرى يۆمەكلىك تۇرىدۇ، كىمنىڭ يۆمەپ قويغانلىقىنى بىلمىدىم.

يۆمەلمەك

  • يۆمەلمەك[يەشمىسى:] «يۆمىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۆمىمەك

  • يۆمىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىرتىلغان جاينى ياكى پىچىلغان پارچە رەختنى ئۇششاق تۆنەپ تىكمەك:[مىسال:] جۇۋا يۆمىمەك.

يۆنەلدۈرمەك

  • يۆنەلدۈرمەك[يەشمىسى:] «يۆنەلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۆنەلمەك

  • يۆنەلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ياققا قاراپ يۈرۈش قىلماق، ماڭماق.

يۆنىلىش

  • يۆنىلىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ھەرىكىتىدىكى يولى، ھەرىكەت نىشانى:[مىسال:] توشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ قاچتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نىشان، ئېقىم:[مىسال:] مائارىپ يۆنىلىشى.

يۆنىلىشچان

  • يۆنىلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم يۆنىلىش بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان، يۆنىلىشكە ئىگە:[مىسال:] يۆنىلىشچان ھەرىكەت.

يۆنىلىشچانلىق

  • يۆنىلىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۆنىلىشكە ئىگە بولۇش، يۆنىلىش خاراكتېرى.

يۆنىلىشسىز

  • يۆنىلىشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆنىلىشى يوق، يۆنىلىشى بەلگىلەنمىگەن:[مىسال:] يۆنىلىشسىز تۈز سىزىق. يۆنىلىشسىز مىكروفون.

يۆنىلىشلىك

  • يۆنىلىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆنىلىش ھاسىل قىلالايدىغان، يۆنىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يۆنىلىشچان:[مىسال:] تىز ۋە كۆكرىكى يەرگە ياكى يەر بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشلىك تەكشىلىككە تېگىپ تۇرىدۇ.

يۈەنⅠ

  • يۈەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ پۇل بىرلىكى. بىر يۈەن ئون مو ياكى يۈز پۇڭغا تەڭ.

يۈەنⅡ

  • يۈەنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] يۈەن سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۇلالە مىلادىيە 1206-يىلى موڭغۇللارنىڭ بورجىگىن جەمەتىدىن بولغان تېمورچىن (چىڭگىزخان) تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەمدە موڭغۇللارنى مەركەز قىلغان سۇلالە. 1368-يىلى ئاغدۇرۇلغان.

يۈەنشۈەي

  • يۈەنشۈەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان. دەرىجىسى گېنېرالدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

يۈەنلىك

  • يۈەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈەن قىممىتىدىكى، يۈەنگە توغرا كېلىدىغان:[مىسال:] مىجىت گەپ قىلماي ئىككى يۈەنلىك پۇلنى ئۇنىڭ قولىدىن ئالدى.

يۈدۈتمەك

  • يۈدۈتمەك[يەشمىسى:] «يۈدۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ تاغارنى ماڭا يۈدۈتۈپ، ئۆزى سالتاڭ ماڭدى.

يۈدۈشمەك

  • يۈدۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈدۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار خۇرجۇن-قاچىلىرىنى يۈدۈشۈپ، ئۇدۇل نېغمەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىشتى.

يۈدۈلمەك

  • يۈدۈلمەك[يەشمىسى:] «يۈدۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۈدۈمە

  • يۈدۈمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈدۈپ يۈرۈلىدىغان، يۈدۈلىدىغان:[مىسال:] يۈدۈمە خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى.

يۈدۈمەك

  • يۈدۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسىنى غول ياكى دۈمبە، ئۆشنىسىگە ئارتماق، يۈكلىمەك، دۈمبىگە ئېلىپ كۆتۈرمەك:[مىسال:] ھايال ئۆتمەي بىر جەڭچىنى يەنە بىر جەڭچى يىگىت يۈدۈپ ئۆتۈپ كەتتى.

يۈدۈمچى

  • يۈدۈمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىدە يۈدۈپ ئىشلەيدىغان ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغان ئەمگەكچى. [يەشمىسى:] ② قاتناش بېكەتلىرىدىكى يۈك قاچىلاپ، يۈك چۈشۈرگۈچى، يۈك توشۇغۇچى ئىشچى، ھاممال.

يۈرەك

  • يۈرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىنى يۈرۈشتۈرىدىغان ئورگان. ئادەملەرنىڭ يۈرىكى كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ مەركىزىدە سەل سولغىراق جايلاشقان بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى شۇ كىشىنىڭ مۇشتىچىلىك كېلىدۇ. شەكلى شاپتۇلغا ئوخشايدۇ. ئىچىدە تۆت پارچە بوشلۇق بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككىسى «يۈرەك دالانچىسى»، ئاستىنقى ئىككىسى «يۈرەك قېرىنچىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. يۈرەك دالانچىسى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئۇزىراپ-قىسقىرىشى بىلەن قان سۇيۇقلۇقى پۈتۈن بەدەندە ئايلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ مەركىزىي قىسمى، مەركىزى:[مىسال:] بېيجىڭ - ۋەتىنىمىزنىڭ يۈرىكى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈل، قەلب:[مىسال:] يۈرىكىنى ئاغرىتماق. يۈرەك ئازابى. يۈرىكىگە ئازار بەرمەك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۈرئەت، غەيرەت، جاسارەت:[مىسال:] تاغ يۈرەك. يۈرىكى پۈتۈن. يۈرىكى قاپتەك. يۈرىكى چوڭ.

يۈرەك پارىسى

  • يۈرەك پارىسى[يەشمىسى:] ئەڭ قىممەتلىك ئادىمى، جاندىن ئەزىز كىشىسى:[مىسال:] شۇ يىگىت مېنىڭ يارىم، يۈرىكىم، يۈرەك پارەم.

يۈرەك تارىنى چەكمەك

  • يۈرەك تارىنى چەكمەك[يەشمىسى:] ھاياجېنىنى ئۇرغۇتماق، ھاياجېنىنى قوزغىماق، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئۆركەشلەتمەك:[مىسال:] موللا زەيدىننىڭ سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەتتى.

يۈرەكتە داغ قالماق

  • يۈرەكتە داغ قالماق[يەشمىسى:] تۈگىمەس غەم-قايغۇغا مۇپتىلا بولماق:[مىسال:] پاشا غوجام كەتتى دەپ، بالام، يۈرىكىمدە داغ قالدى، بالام. ئاھ بالام، ئابدۇراخمان ئاخۇنۇم، نادىرخان غوجام.

يۈرەك جايىغا چۈشمەك

  • يۈرەك جايىغا چۈشمەك[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشىدىن قۇتۇلۇپ كۆڭلى ئەمىن تاپماق:[مىسال:] چاشقان كىردى سارايغا، مۈشۈك ئۇخلاپ ياتقاندا. يۈرىكى چۈشتى جايىغا، ئاسلان خورەك تارتقاندا.

يۈرەك جىغ قىلىپ قالماق

  • يۈرەك جىغ قىلىپ قالماق[يەشمىسى:] ئۇشتۇمتۇتلا قاتتىق قورقۇپ كەتمەك، ئەندىشىگە چۈشمەك:[مىسال:] ئۇنى كۆرگەن مەسئۇتنىڭ يۈرىكى جىغ قىلىپ قالدى.

يۈرەك جىغىلدىماق

  • يۈرەك جىغىلدىماق[يەشمىسى:] قورقۇش، ئەندىشە ياكى خۇشاللىق، ھاياجاندىن يۈرىكى نورمالسىز سوقماق، يۈرەك ھەرىكىتى جىددىيلەشمەك:[مىسال:] بۇ سۆزنى ئاڭلىغان مۇدىرنىڭ يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى. * يۈرىكىم جىغىلدايدۇ، يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ.

يۈرەك چىدىماسلىق

  • يۈرەك چىدىماسلىق[يەشمىسى:] كۆڭلى قويماسلىق، كۆڭلى ئۇنىماسلىق، خالىماسلىق، ئىختىيار قىلماسلىق:[مىسال:] مەخسۇمنىڭ بۇ قېچىرىنى بىكاردىن قولدىن چىقىرىۋېتىشكە كۆزى قىيمىغان، يۈرىكى چىدىمىغانىدى.

يۈرەك قېنى سىڭمەك

  • يۈرەك قېنى سىڭمەك[يەشمىسى:] جاپالىق ئەمگىكى، ئەجرى، مېھنىتى سىڭمەك، قوشۇلماق.

يۈرەككە دەز كەتمەك

  • يۈرەككە دەز كەتمەك[يەشمىسى:] قورقۇنچ، ۋەھىمە، دەرد-ئەلەمگە دۇچار بولماق؛ خاتىرجەملىكى بۇزۇلماق:[مىسال:] -راست، كېچىدە ماڭا نېمانچىلا جەبىر-جاپا، چاشقان شىرىققىدە قىلسا، بۇغدايغا دۈم چۈشۈپ يېتىۋالىمەن، قورقۇپ يۈرىكىمگە دەز كېتەي دەپ قالدى، دېدى داۋۇت سىيىتكە.

يۈرەككە ئوت ياقماق

  • يۈرەككە ئوت ياقماق[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ ئىشق-مۇھەببىتىنى، سۆيگۈسىنى قوزغىماق:[مىسال:] تاپالمىدىم پەرۋاز ئۇرۇپ سەندەك گۈزەل رۇخسارىنى، يۈرىكىمگە ئوت يېقىپ مىڭ پارە قىلدىڭ، سەن مېنى.[يەشمىسى:] ② كۈچلۈك قىزىقىش، تەلپۈنۈش، تەشنا بولۇش تۇيغۇسىنى قوزغىماق:[مىسال:] يۇرتىمىزنى كۆرۈپ كەلگەنلەر ئۇ يەردىكى ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، يۈرىكىمگە ئوت يېقىۋەتتى.

يۈرەكنى ئەزمەك

  • يۈرەكنى ئەزمەك[يەشمىسى:] ئادەمنى قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلماق، قاتتىق ئېچىندۇرماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئازابلىق پىغانلىرى باشقىلارنىڭمۇ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى.

يۈرەكنى تىترەتمەك

  • يۈرەكنى تىترەتمەك[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ روھى دۇنياسىنى لەرزىگە سالماق، ھاياجانلاندۇرماق:[مىسال:] ئىككى ئوغۇل ئانىسىنىڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان سۆزلىرىنى تىك تۇرۇپ ئاڭلاشتى.

يۈرەكنى زېدە قىلماق

  • يۈرەكنى زېدە قىلماق[يەشمىسى:] ئېغىر دەرد-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلماق، قاتتىق ئازابلىماق.

يۈرەكنى كۆيدۈرمەك

  • يۈرەكنى كۆيدۈرمەك[يەشمىسى:] ئىشق-مۇھەببىتىنى قوزغىماق، سۆيگۈسىنى كەلتۈرمەك.

يۈرەكنى ئۆرتىمەك

  • يۈرەكنى ئۆرتىمەك[يەشمىسى:] كىشىنى قاتتىق ئازابلىماق، ئېغىر غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلماق:[مىسال:] ئالىم ئۇنىڭ يۈرەكنى ئۆرتىگۈدەك تىللىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ غەزەپلەندى.

يۈرەكنى يارا قىلماق

  • يۈرەكنى يارا قىلماق[يەشمىسى:] «يۈرەكنى زېدە قىلماق»قا قاراڭ.

يۈرەك يارىسى

  • يۈرەك يارىسى[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەت؛ كۆڭۈل ئاغرىقى، خاپىلىق.

يۈرىكى ئارامىغا چۈشمەك

  • يۈرىكى ئارامىغا چۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈرىكى ئىزىغا چۈشمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ۋەھىمە ئىلكىدە ياتالمايۋاتقان ئانىنىڭ يۈرىكى ئوغلىنى كۆرۈپ بىردىنلا ئارامىغا چۈشتى.

يۈرىكى ئاغزىغا قاپلاشماق

  • يۈرىكى ئاغزىغا قاپلاشماق[يەشمىسى:] قاتتىق چۆچۈپ قورقماق، ۋەھىمىگە چۈشمەك:[مىسال:] بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەركىننىڭ يۈرىكى ئاغزىغا قاپلاشقاندەك بولۇپ، ئۈن-تىن چىقىرالماي قالدى.

يۈرىكى ئاغماق

  • يۈرىكى ئاغماق[يەشمىسى:] بىرەر خەۋپ-خەتەرنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماق، ئەنسىرىمەك، قورقماق:[مىسال:] بىرئازدىن كېيىن قەبرە كەينىدىن قىزىل نۇر كۆرۈندى، يۈرىكىم ئاغقاندەك بولدى.

يۈرىكى ئەمىن تاپماق

  • يۈرىكى ئەمىن تاپماق[يەشمىسى:] خاتىرجەم بولماق، كۆڭلى تىنماق.

يۈرىكى بار

  • يۈرىكى بار[يەشمىسى:] قورقماس، جاسارەتلىك.

يۈرىكى پارە-پارە بولماق

  • يۈرىكى پارە-پارە بولماق[يەشمىسى:] ① ئىشق-مۇھەببەت ئوتىدا پوچۇلانماق، ئازاب چەكمەك، بىراۋنىڭ ئىشقىدا كۆيمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ، بىر ئۇھ تارتتى.[يەشمىسى:] ② ئېغىر دەرد-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەت چېكىپ روھىي جەھەتتىن ئېزىلمەك، قىينالماق:[مىسال:] بالىسىنىڭ دەردىدە يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن ئانا يەنە بۇ دەردنى قانداق كۆتۈرەلىسۇن؟

يۈرىكى پاك

  • يۈرىكى پاك[يەشمىسى:] «ئاق كۆڭۈل»ەە قاراڭ.

يۈرىكى پوك-پوك

  • يۈرىكى پوك-پوك[يەشمىسى:] ئەندىشە، قورقۇنچىسى بار؛ روھىي ھالىتى خاتىرجەم، نورمال ئەمەس.

يۈرىكى پوكۇلدىماق

  • يۈرىكى پوكۇلدىماق[يەشمىسى:] ۋەھىمە، ئەندىشە قىلماق، قورقماق:[مىسال:] بوۋاينىڭ ئىشنى بۇزۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ يۈرىكى پوكۇلداپ كەتتى.

يۈرىكى پۈتۈن

  • يۈرىكى پۈتۈن[يەشمىسى:] «كۆڭلى پۈتۈن»گە قاراڭ:[مىسال:] ھەرقايسىلىرى بولغاندىن كېيىن يۈرىكىمىز پۈتۈن تۇرىدۇ-دە.

يۈرىكى تارتماق

  • يۈرىكى تارتماق[يەشمىسى:] ئىنتىزار بولماق، قاتتىق سېغىنماق:[مىسال:] سېنىڭ كىمگە يۈرۈكۈڭ تارتىدۇ.

يۈرىكى توق

  • يۈرىكى توق[يەشمىسى:] «كۆڭلى پۈتۈن»گە قاراڭ.

يۈرىكى توم

  • يۈرىكى توم[يەشمىسى:] «يۈرىكى چوڭ»غا قاراڭ.

يۈرىكى چوڭ

  • يۈرىكى چوڭ[يەشمىسى:] قورقماس، باتۇر، قەيسەر، جاسارەتلىك، غەيرەتلىك.

يۈرىكى چىقىپ كەتكىلى تاس قالماق

  • يۈرىكى چىقىپ كەتكىلى تاس قالماق[يەشمىسى:] ھەددىدىن ئارتۇق خۇشاللىق ياكى قورقۇنچتىن يۈرىكى نورمالسىز سوقماق، روھى جەھەتتىن ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر، ئىنكاس پەيدا بولماق:[مىسال:] ۋاي، سېنى كۆرۈپ يۈرىكىم چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى.

يۈرىكى چىلاشقۇدەك

  • يۈرىكى چىلاشقۇدەك[يەشمىسى:] قانغۇدەك، مۇرادىغا يەتكۈدەك، بولغۇدەك:[مىسال:] قېنى تۇغقانلار تىرىكلىكتىن نىشانە، يۈرىكىڭلار چىلاشقۇدەك بىر يەڭلار

يۈرىكىدە ئوتى بار

  • يۈرىكىدە ئوتى بار[يەشمىسى:] قىزغىن، جۇشقۇن، شوخ، ھېس-تۇيغۇسى كۈچلۈك.

يۈرىكى زەرداب بولماق

  • يۈرىكى زەرداب بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق دەرد-ئەلەم تارتىپ روھىي جەھەتتىن ئېزىلمەك، ئازابلانماق:[مىسال:] ئاشۇ قىزنىڭ دەردىدە ئۇ بىچارىنىڭ يۈرىكى زەرداب بولغانىدى.

يۈرىكى زەردابقا تولماق

  • يۈرىكى زەردابقا تولماق[يەشمىسى:] «يۈرىكى زەرداب بولماق»قا قاراڭ.

يۈرىكى زېدە بولماق

  • يۈرىكى زېدە بولماق[يەشمىسى:] خاپىلىق ياكى دەرد-ئەلەمگە مۇپتىلا بولماق:[مىسال:] كىملەرنىڭ يۈرىكى بولمىغان زېدە، شۇ ئەسكى زاماننىڭ قەستى تۈپەيلى.

يۈرىكى سۇ

  • يۈرىكى سۇ[يەشمىسى:] قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە، بەكمۇ ئەندىشىدە:[مىسال:] قارىمامسەن ئاسىم، ھۇقۇشتەك كېچىسى مىدىرلايدىغان بولۇپ قالدۇق. يەنە شۇنىڭدىمۇ يۈرىكىمىز سۇ.

يۈرىكى سۇ ئىچمەك

  • يۈرىكى سۇ ئىچمەك[يەشمىسى:] سۆيۈنمەك، خۇشاللىق ھېس قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ تەزىمىدىن باينىڭ يۈرىكى سۇ ئىچىپ، ئۇنى تاۋا كاۋىپى يېيىشكە تەكلىپ قىلىپتۇ.

يۈرىكى سىقىلماق

  • يۈرىكى سىقىلماق[يەشمىسى:] «ئىچى سىقىلماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، يۈرىكىم سىقىلدى، ھەسرەت بىلەن ئۇلۇغ-كىچىك تىندىم.

يۈرىكى قاپتەك

  • يۈرىكى قاپتەك[يەشمىسى:] ««يۈرىكى چوڭ»غا قاراڭ:[مىسال:] يۈرىكىڭىز قاپتەك ئىكەن، بەھۇزۇر ئۇخلاۋاتقىنىڭىزنى قاراڭ

يۈرىكى قارت قىلماق

  • يۈرىكى قارت قىلماق[يەشمىسى:] تۇيۇقسىزلا قاتتىق چۆچۈمەك، ئۇشتۇمتۇتلا قورقۇپ كەتمەك، ئەندىشە قىلماق:[مىسال:] ئۇنى كۆرۈپلا قوچقارنىڭ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى.

يۈرىكى قان بولماق

  • يۈرىكى قان بولماق[يەشمىسى:] «يۈرىكى زەرداب بولماق»قا قاراڭ.

يۈرىكى قانماق

  • يۈرىكى قانماق[يەشمىسى:] قانائەت ھاسىل قىلماق، رازى بولماق، قانماق:[مىسال:] ئورمىنى تولا ئورۇپ، بىلىكىڭ تالدىمۇ يارىم. ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق، يۈرىكىڭ قاندىمۇ يارىم.

يۈرىكى قىسىلماق

  • يۈرىكى قىسىلماق[يەشمىسى:] كۆڭلى غەش، يېرىم بولماق، خاپا بولماق:[مىسال:] نەجىپنىڭ يۈرىكى قىسىلىپ، ئاشپەزگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپتۇ.

يۈرىكى قىنىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولماق

  • يۈرىكى قىنىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولماق[يەشمىسى:] بەك قورقۇپ ئەقىل-ھوشىنى يوقاتماق؛ قاتتىق ھاياجانلانماق:[مىسال:] ئۇنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن يۈرىكىم قىنىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولدى.

يۈرىكى قىنىغا پاتماسلىق

  • يۈرىكى قىنىغا پاتماسلىق[يەشمىسى:] ناھايىتى بەك خۇشال بولۇش، خۇشاللىقتىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قېلىش، قاتتىق ھاياجانلىنىش:[مىسال:] سابىر جېنەستەمنى كۆرگەندىن كېيىن يۈرىكى قىنىغا پاتماي سوقۇشقا باشلىدى.

يۈرىكىگە قول سېلىپ باقماق

  • يۈرىكىگە قول سېلىپ باقماق[يەشمىسى:] چېكىپ باقماق، خاھىشىنى، مەيلىنى بىلىپ باقماق:[مىسال:] ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدۇ، ھەر ھالدا بۇ ئىشتا ئوغلىڭىزنىڭ يۈرىكىگە قول سېلىپ بېقىپ بىرنېمە دەڭ، دېدى ئۇ شەرىپىخانغا.

يۈرىكىگە ئوت تۇتاشماق

  • يۈرىكىگە ئوت تۇتاشماق[يەشمىسى:] مۇھەببىتى قوزغالماق، ئىشق-ھەۋىسى ئويغانماق، ئامراقلىقى، سۆيگۈسى كەلمەك:[مىسال:] دىلبەرنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتاشتى.

يۈرىكى مۇجۇلماق

  • يۈرىكى مۇجۇلماق[يەشمىسى:] «يۈرىكى ئېزىلمەك»كە قاراڭ.

يۈرىكىنى ئالماق

  • يۈرىكىنى ئالماق[يەشمىسى:] قاتتىق قورقۇتماق، چۆچۈتمەك، قاتتىق ئەندىشە، ۋەھىمىگە سالماق:[مىسال:] بۇ بالا ئۆتكەن يىلى يۈرىكىمنى بىر ئالغانىدى، دېدى ئۇ بىرئاز ئىزا تارتقاندەك قىلىپ.

يۈرىكىنى تاتىلىماق

  • يۈرىكىنى تاتىلىماق[يەشمىسى:] ئازابلىماق، ئىچىنى پۇشۇرماق:[مىسال:] قېرى ھاممىنىڭ يۈرىكىنى نېمىدۇر تاتىلاپ ئارام بەرمەيتتى.

يۈرىكىنى توختاتماق

  • يۈرىكىنى توختاتماق[يەشمىسى:] قورقۇنچ، ئەندىشىنى يوقاتماق، قورقمايدىغان ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ساۋۇتئاخۇن يۈرىكىنى توختىتىپ «تەۋەككۈل» دەپ ئالغا قاراپ ماڭماقچىمۇ بولدى.

يۈرىكىنى تۇتۇپ كۆرمەك

  • يۈرىكىنى تۇتۇپ كۆرمەك[يەشمىسى:] «يۈرىكىگە قول سېلىپ باقماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۆزۈمنى دەڭسەپ يۈرىكىمنى تۇتۇپ كۆرسەم، كۆڭلۈم ھېچقايسىسىغا تارتمىدى.

يۈرىكىنى قاپتەك قىلماق

  • يۈرىكىنى قاپتەك قىلماق[يەشمىسى:] ھېچنېمىدىن يانمايدىغان، ئەيمەنمەيدىغان، قورقمايدىغان دەرىجىگە كەلمەك:[مىسال:] كونا باشلىقنىڭ ئۇنىڭ قىلىقلىرىنى «گۆھەر يەتكۈزۈپ بېرىش» دەپ قارىغانلىقى، ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ قويغانىدى.

يۈرىكىنى يېمەك

  • يۈرىكىنى يېمەك[يەشمىسى:] قاتتىق دەرد-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلماق، ھەددىدىن ئارتۇق ئازابلىماق، روھىي جەھەتتىن قاتتىق قىينىماق:[مىسال:] سەن زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگەنگەندىن بېرى ئاتا-ئاناڭنىڭ يۈرىكىنى يەپ بولدۇڭ.

يۈرىكى ئويناپ كەتمەك

  • يۈرىكى ئويناپ كەتمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتىن قاتتىق سۆيۈنمەك، خۇشال بولماق، سۆيۈنمەك.

يۈرىكى ئېچىشماق

  • يۈرىكى ئېچىشماق[يەشمىسى:] كۆڭۈل بىئارام بولماق، ئازابلانماق، دەرد-ئەلەم چەكمەك:[مىسال:] نادىرەنىڭ گەپلىرى ئەترەت باشلىقىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىۋەتتى.

يۈرىكى ئىزىغا چۈشمەك

  • يۈرىكى ئىزىغا چۈشمەك[يەشمىسى:] قورقۇش، ۋەھىمە، ئەندىشىدىن قۇتۇلماق، كۆڭلى ئارام تاپماق.

يۈرىكى يارا

  • يۈرىكى يارا[يەشمىسى:] كۆڭلى ئىنتايىن پەرىشان، دەردى ئېغىر:[مىسال:] كۈن ئولتۇرۇپ، ئەتراپىم يورۇقتى، قارا بولدى. يار دەردىدە جىگەر خۇن، يۈرىكىم يارا بولدى.

يۈرىكى يايرىماق

  • يۈرىكى يايرىماق[يەشمىسى:] «يۈرىكى ئويناپ كەتمەك»كە قاراڭ.

يۈرىكى يوغىنىماق

  • يۈرىكى يوغىنىماق[يەشمىسى:] بىر ئىشتىن ئەيمەنمەيدىغان، قانۇن-قائىدىلەرگە بويسۇنمايدىغان بولماق، قاراملاشماق، قورقماس بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئۇنىڭ يۈرىكى يوغىناپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىگە باردى

يۈرىكى يوق

  • يۈرىكى يوق[يەشمىسى:] قورقۇنچاق:[مىسال:] قويە ئۇنىڭ گېپىنى، دېدى ئۇ قاسىمنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، ئۇنداق يۈرىكى يوق بىرنېمىلەر نېمىنىمۇ قىلالايتتى

يۈرىكى يېرىلماق

  • يۈرىكى يېرىلماق[يەشمىسى:] روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېمەك، پەرىشان، غەم-ئەندىشىلىك بولماق:[مىسال:] ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، ئېچىلار چېچەكلىرىڭ. يامان بىلەن دوست بولساڭ يېرىلار يۈرەكلىرىڭ (ماقال).

يۈرەكئالدى

  • يۈرەكئالدى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]يۈرەك+ئالدى[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، قورقۇنچاق، يۈرەكسىز:[مىسال:] يۈرەكئالدى بولماق.

يۈرەكئالدىلىق

  • يۈرەكئالدىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورقۇنچاقلىق، جۈرئەتسىزلىك، جاسارەتسىزلىك:[مىسال:] بىزدىكى ھازىرقى ئەھۋال نەچچە ئون يىللىق يۈرەكئالدىلىق قالدۇرۇپ كەتكەن ئىللەتنىڭ سارقىندىسى.

يۈرەك-باغىر

  • يۈرەك-باغىر[يەشمىسى:] ① يۈرەك ۋە بېغىر.[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسى، كۆڭۈل-كۆكسى، قەلبى:[مىسال:] ئاچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئىچى كۆيۈپ يۈرەك-باغرى پارە-پارە بولۇۋاتقان مەلىكە شاھزادىگە تاشلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ.

يۈرەك-باغرى خۇن بولماق

  • يۈرەك-باغرى خۇن بولماق[يەشمىسى:] «يۈرەك-باغرى قان بولماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئەنە شۇنداق ئەلەملەر بىلەن يۈرەك-باغرىم خۇن بولماقتا ئىدى.

يۈرەك-باغرىدىكىنى تۆكمەك

  • يۈرەك-باغرىدىكىنى تۆكمەك[يەشمىسى:] كۆڭلىدە بارىنىڭ ھەممىسىنى، بىرىنىمۇ قويماي، پۈتۈنلەي بايان قىلماق:[مىسال:] باۋۇدۇن ھازىر قېرىپ قالغاچقا سىر ساقلاپ كەلگەن يۈرەك-باغرىدىكىنى شاۋۇدۇنغا تۆكۈۋېتىشكە باشلىدى.

يۈرەك-باغرى قان بولماق

  • يۈرەك-باغرى قان بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئازابلانماق:[مىسال:] شاھنىڭ يۈرەك-باغرى قان بوپتۇ، ئەمما پەرزەنتلەردىن ھېچ خەۋەر بولماپتۇ.

يۈرەك-باغرى كاۋاپ بولماق

  • يۈرەك-باغرى كاۋاپ بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئازابلانماق، كۆڭلى ئازار يېمەك؛ ھەسرەت چەكمەك.

يۈرەك-باغرىنى ئەزمەك

  • يۈرەك-باغرىنى ئەزمەك[يەشمىسى:] ئىچىنى سىيرىلدۇرۇپ قاتتىق ئېچىندۇرماق، قايغۇرتماق، ھەسرەتلەندۈرمەك.

يۈرەكزادە

  • يۈرەكزادە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]يۈرەك+زەردە[[يەشمىسى:] قورقۇنچاق، يۈرەكئالدى:[مىسال:] مەن تازا يۈرەكزادە، دېلىغۇل بولۇپ تۇرغاندا، ھويلىدا بىردىنلا ئايشەم مۇدىر پەيدا بولدى.

يۈرەكزادىلىك

  • يۈرەكزادىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورقۇنچاقلىق، جاسارەتسىزلىك، خەۋپسىرەش، ئەنسىرەش:[مىسال:] تۈرمە باشلىقى يۈرەكزادىلىك بىلەن مەھبۇسلارغا قارىدى.

يۈرەكسىز

  • يۈرەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈرىكى يوق، قورقۇنچاق، توخۇ يۈرەك.

يۈرەكسىزلىك

  • يۈرەكسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورقۇنچاقلىق، توخۇ يۈرەكلىك:[مىسال:] يۈرەكسىزلىك قىلماق.

يۈرەكلىك

  • يۈرەكلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورقماس، باتۇر، غەيرەت-شىجائەتلىك:[مىسال:] بارات يۈرەكلىك ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قورقماي تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن:[مىسال:] ئۇلار يىغىنلاردا قالتىس يۈرەكلىك سۆزلەيتتى.

يۈرگۈزمەك

  • يۈرگۈزمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «يۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ئىش ياكى پائالىيەت ئېلىپ بارماق، ئىجرا قىلماق، ئورۇنلىماق، يولغا قويماق، قىلماق:[مىسال:] بۇ ئادەم ئەسكەرلەر ئارىسىدا يامان تەشۋىقات يۈرگۈزدى.

يۈرگۈزۈشمەك

  • يۈرگۈزۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈرگۈزمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈرگۈزۈلمەك

  • يۈرگۈزۈلمەك[يەشمىسى:] «يۈرگۈزمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۈرگىنى

  • يۈرگىنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لايىقى، توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئادىمى، سۆيگىنى:[مىسال:] پەرىدەنىڭمۇ ئۆزىنىڭ يۈرگىنى بار ئىدى.

يۈرمەك

  • يۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قەدەم ئېلىپ ھەرىكەتلەنمەك، ماڭماق؛ بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا قاراپ يول ئالماق، قەدەم تاشلىماق:[مىسال:] يولۋاسنىڭ ئارقىسىدىن يۈرسەڭ يۈر، خوتۇننىڭ ئارقىسىدىن يۈرمە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۆزى بىلگەن يەرلەردە بولماق؛ سەيلى-ساياھەت قىلماق، كەزمەك، ئايلانماق:[مىسال:] مېھماننى ئۆيگە چىللاپ، ئۆزى يۈرەر ئەر سوراپ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ياشىماق، ھايات كەچۈرمەك، مەۋجۇت بولۇپ تۇرماق:[مىسال:] يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگىچە (ماقال).[يەشمىسى:] ④ بىرەرسى بىلەن بىللە بولماق، ھەمسۆھبەت بولماق، بىرگە تۇرماق:[مىسال:] مېنىڭ بىلەن يۈرسەڭ زېرىكىپ قالارسەنمىكىن. دېدى ئۇ ماڭا قاراپ سىرلىق كۈلۈپ.[يەشمىسى:] ⑤ شاھمات، قارتا، دامكا ۋە شۇ قاتارلىق ئويۇنلاردا ئۆز نۆۋىتىدە ھەرىكەت قىلماق، ئوينىماق، ماڭماق ياكى چۈشمەك:[مىسال:] قېنى يۈرە، ئەمدى مات بولمىغىنىڭنى كۆرەي دېدى تەلئەت پوچىلىق بىلەن كېرىلىپ.[يەشمىسى:] ⑥ قىز-يىگىتلەر توي قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا دوستلاشماق، پۈتۈشمەك، لايىقلاشماق:[مىسال:] باشقىلاردىن سىزنى يۈرۈۋاتقان يىگىتى بار، دەپ ئاڭلىغانتىمغۇ دېدى ئۇ زەيتۇنەمگە.[يەشمىسى:] ⑦ قوزغالماق، سۈرۈلمەك:[مىسال:] چىڭ تۇت، ئارقان يۈرۈپ كەتمىسۇن، دېدى ئۇ ۋارقىراپ.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باراۋەر بولماق، قىممىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن تەڭ بولماق، ئوخشاش بولماق:[مىسال:] مېنىڭ ئىككى قويۇم سېنىڭ بىر موزۇيۇڭغا يۈرمەمدۇ[يەشمىسى:] ⑨ پېئىللارنىڭ چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: 1) ھەرىكەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى ياكى كۆپ تەكرارلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ ھازىرغىچە ئۆزىگە ئىش ئورنى ئىزلەپ يۈرىدۇ.[يەشمىسى:] 2) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاۋارە بولۇش، جاپا چېكىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇنچىۋالا ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق.[يەشمىسى:] 3) سۆزلىگۈچىنىڭ شۇ رەۋىشداش ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن جۈملىدە ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ بولۇشىنى زادىلا كۈتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل جۈملىلەر تەئەججۈپلەنگەن ياكى مازاق قىلغان تەرزدە ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] ئۇلار ئارقىمىزدىن «بۇ ژۇرنالنى ئالەمدە يوق بىرنەرسە قىلىۋالدى» دەپ يۈرگۈدەكمىش.[يەشمىسى:] 4) بولۇشسىز چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، بولۇشسىز ھەرىكەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىز ئۇنىڭ جادۇگەر ئىكەنلىكىنى تېخىچىلا بايقىماي يۈرىۋاتىسىز.

يۈرۈش

  • يۈرۈش [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ «قۇر»، «تو» دېگەندەك مىقدار ئوقۇمىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] بىر يۈرۈش كىتاب. ئىككى يۈرۈش كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇراسىملاردا مۇراسىم ئىگىسىگە بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پۇل ياكى كىيىم-كېچەك، رەخت قاتارلىق سوۋغات، ئومۇمەن ماددىي سوۋغات:[مىسال:] يۈرۈش كۆتۈرۈپ بارمىساق سەت تۇرا، دېدى ئۇ تۇراخانغا. * توينىڭ يۈرۈشىگە ئەللىك كىيىملىكتىن ئارتۇق رەخت چۈشۈپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ بىر خىلى مېڭىش ھالىتى:[مىسال:] مەن ئاتنىڭ يۈرۈشى بىلەن كېتىۋاتاتتىم.

يۈرۈشى بار

  • يۈرۈشى بار[يەشمىسى:] ① چاي-مۇراسىملارغا لايىقىدا يۈرۈش، سوۋغات ئېلىپ بارىدىغان، سوۋغات كۆتۈرۈشتىن قاچمايدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئانىسى مېھماندوست، يۈرۈشى بار ئايال ئىدى.[يەشمىسى:] ② قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىش قاملاشتۇرالايدىغان، ئېپى بار:[مىسال:] بىزنىڭ ئوغۇلنىڭ خېلى يۈرۈشى بار جۇمۇ، دېدى ئۇ شەرىپىگە ئوغلىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ.[يەشمىسى:] ③ مېڭىشى ياخشى، ئوبدان ماڭىدىغان، ياخشى يۈرۈشى، مېڭىشى بار (ئات-ئۇلاغلار ھەققىدە):[مىسال:] يۈرۈشى بار ئات.

يۈرۈشى يوق

  • يۈرۈشى يوق[يەشمىسى:] «يۈرۈشسىز»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ تويغا يۈرۈشى يوقلا كەپتۇ. * ھەجەرخان يۈرۈشى يوق خوتۇن ئىدى. * بۇ يۈرۈشى يوق ئاتنى كىممۇ ئالار، -دېدى ئۇ مەيۈسلەنگەن ھالدى.

يۈرۈش-تۇرۇش

  • يۈرۈش-تۇرۇش[يەشمىسى:] گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] يېقىندىن بۇيانقى قاسىم ئاكامنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى باشقىچە، بويىمۇ بىر غېرىچ ئۆسكەندەك قىلىدۇ.

يۈرۈشتۈرمەك

  • يۈرۈشتۈرمەك[يەشمىسى:] ① «يۈرۈشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مېنىڭ ئورنۇمغا چوقۇم مۇشۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر كىشى دەسسىشى ۋە ئۇ كىشى ئىشلارنى ياخشى يۈرۈشتۇرۇشى كېرەك.[يەشمىسى:] ② ئايلاندۇرماق، ھەرىكەتلەندۈرمەك، ماڭغۇزماق:[مىسال:] ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھېلىقىلاردىن بىرى ساقىيلىق قىلىپ، قەدەھ يۈرۈشتۈرمەك بولدى.

يۈرۈشسىز

  • يۈرۈشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يۈرۈش ئالماي، يۈرۈش كۆتۈرمەي:[مىسال:] ئۇ تويغا يۈرۈشسىز قانداق بارىمىز[يەشمىسى:] ② ئىش قاملاشمايدىغان، ئېپى يوق:[مىسال:] مەخمۇت يۈرۈشسىز بالا بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ ياخشى ماڭمايدىغان، مېڭىشى، يۈرۈشى يوق (ئات-ئۇلاغلار ھەققىدە):[مىسال:] يۈرۈشسىز ئات.

يۈرۈشلەشتۈرمەك

  • يۈرۈشلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] ① «يۈرۈشلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: —[مىسال:] قۇدۇقنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بولغۇچىلىك سۇنى بىز ھەل قىلىپ بېرەيلى، دەپ قوشۇمچە قىلدى مەتنىياز.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرقانچە نەرسىنى بىرىكتۈرۈپ بىر يۈرۈش قىلىشماق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>س ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتنىڭ تۈرى، ستاندارتىنى دەرىجىگە ئايرىپ يۈرۈش ھاسىل قىلىشماق.

يۈرۈشلەشتۈرۈشمەك

  • يۈرۈشلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈرۈشلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈرۈشلەشتۈرۈلمەك

  • يۈرۈشلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يۈرۈشلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۈرۈشلەشمەك

  • يۈرۈشلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سىستېمىلىق، مۇكەممەل ھالەتكە كەلمەك؛ راۋانلاشماق، تەرتىپلىك، رەتلىك بولماق:[مىسال:] بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرى يۈرۈشلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار سەل كۆپىيىپ قالدى.

يۈرۈشلۈك

  • يۈرۈشلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوۋغاتلىق، يۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان نەرسە:[مىسال:] تويغا يۈرۈشلۈك ئالاي دەپ ماڭدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈرۈشى، مېڭىشى بار، ئوبدان ماڭىدىغان (ئات-ئۇلاغلار ھەققىدە):[مىسال:] يۈرۈشلۈك ئات ئۈستىدىكى نادەم چىڭقى چۈش مەزگىلىدە يېزىغا كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈرۈشى بار، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىش قاملاشتۇرالايدىغان:[مىسال:] يۈرۈشلۈك ئادەم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ «قۇر، تو» دېگەندەك مىقدار ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۈچ يۈرۈشلۈك بۇ بىناغا كىرىپ چىقىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

يۈرۈشمەك

  • يۈرۈشمەك[يەشمىسى:] ① «يۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ كەينىدىن باشقا مېھمانلار يۈرۈشتى.[يەشمىسى:] ② ئىش-پائالىيەتلىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولماق، راۋانلاشماق، ئۆز ئىزىغا چۈشۈپ نەتىجىلىك ھالدا داۋاملاشماق:[مىسال:] كېيىنچە قۇرباننىڭ ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتتى.

يۈرۈلمەك

  • يۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يەردىن ئايغا قاراپ سائىتىگە يۈز كىلومېتىر تېزلىك بىلەن يۈرۈلسە، ئايغا 160 كۈندە يېتىپ بېرىش مۇمكىن.

يۈزⅠ

  • يۈزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئوننىڭ ئون قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان ياكى «100» رەقىمى ۋە مۇشۇ رەقەم بىلەن ئىپادىلىگەن سان، مىقدار:[مىسال:] يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا (ماقال).∥ ئۇلارنىڭ سېپىدە جەڭ كۈنلىرى ھەربىرى يۈزگە تېتېغۇدەك ئەزىمەتلەردىن خېلىلا بار.

يۈزⅡ

  • يۈزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم بېشىنىڭ كۆز، بۇرۇن، ئېغىز قاتارلىق ئەزالىرى ئورۇنلاشقان تەرىپى، ئالدى تەرىپى، باشنىڭ ئالدى تەرەپتىن كۆرۈنگەن قىسىمى:[مىسال:] ئۇ ھەر كۈنى ئاشۇ بۇلاق سۈيىدە يۈزىنى يۇيىدىكەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئابرۇي، ئىناۋەت، ھۆرمەت؛ ئىززەت:[مىسال:] ساڭا يۈز كېرەك ئەمەسمۇ نېمىشقا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمايسەن دەرھال تەكشۈرۈش ياز، دېدى ئۇ ۋارقىراپ.[يەشمىسى:] ③ قىياپەت، كۆرۈنۈش، ئومۇمەن كۆرگىلى بولىدىغان چىراي-تۇرۇق، گەۋدە، جىسىم:[مىسال:] ئادەمنىڭ يۈزىگە قارىما، سۆزىگە قارا (ماقال).[يەشمىسى:] ④ كۆرسىتىلگەن شەخسنىڭ دەل ئۆزى ياكى دەل ئۆزى بار بولغان نەق مەيدان:[مىسال:] گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى، ئۈستى:[مىسال:] يەر يۈزى.*ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەكشىلىك ياكى مەلۇم ماددىلارنىڭ سىرتىنىڭ كۆلىمى، دائىرىسى، چوڭ-كىچىكلىكى:[مىسال:] چەمبەرنىڭ يۈزى.[يەشمىسى:] ⑦ دەريا، ئۆستەڭ قاتارىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۇ ياكى بۇ تەرىپى، قېشى، قىرغىقى:[مىسال:] بىز بىر ئامال قىلىپ تاڭ ئاتقۇچە دەريانىڭ ئۇ يۈزىگە ئۆتۈۋالساق بولاتتى، دەيتتى ئۇ ئۇياق-بۇياق مېڭىۋېتىپ.[يەشمىسى:] ⑧ تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ تىغى:[مىسال:] پىچاقنىڭ يۈزى.[يەشمىسى:] ⑨ سەھىپە، بەت: —[مىسال:] ئۇ«بۇ ئەھۋالنى گېزىت يۈزىدە ئېلان قىلىمەن»دەيدۇ، دېدى ئالىم ئازابلىنىپ.

يۈز ئاچماق

  • يۈز ئاچماق[يەشمىسى:] ① تويى بولغان قىزنىڭ يۈزىدىكى جۈمبەردىسىنى بەلگىلىك قائىدىلەر بويىچە ئاچماق.[يەشمىسى:] ① كۆز ئالدىدا نامايان بولماق، كۆرۈنمەك، گەۋدىلەنمەك، ئاشكارا بولماق:[مىسال:] ئالدىمدا يەنە بىر يېڭى مەنزىرە يۈز ئاچتى.

يۈز بەرمەك

  • يۈز بەرمەك[يەشمىسى:] سادىر بولماق، كۆرۈنمەك، پەيدا بولماق:[مىسال:] ئاشۇ كۈنلەردە يۈز بەرگەن ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارمۇ ئاز بولمىدى.

يۈز تاپماق

  • يۈز تاپماق[يەشمىسى:] ئەل-جامائەت ئىچىدە ھۆرمەت، ئابرۇيغا ئىگە بولماق:[مىسال:] ئۇلار ماتا سودىسى بىلەن تاشكەنت بازىرىدا يۈز تاپقانىدى.

يۈز تۇتماق

  • يۈز تۇتماق[يەشمىسى:] يۈزلەنمەك:[مىسال:] شاھزادە سەمى كۈندىن-كۈنگە بىئارام بولۇپ ھالاك بولۇشقا يۈز تۇتتى.

يۈز قارىماق

  • يۈز قارىماق[يەشمىسى:] يۈز-خاتىرە قىلماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، يۈزىنى قىلماق:[مىسال:] ئۇ دادامغا يۈز قاراپ باشقىچە گەپ قىلالماپتۇ، دېدى مەخسۇت قوشۇمچە قىلىپ.

يۈز كۆتۈرۈپ يۈرمەك

  • يۈز كۆتۈرۈپ يۈرمەك[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە، كەمسىتىشىگە ئۇچرىماي خاتىرجەم، نورمال ياشىماق:[مىسال:] ئۆزلىرىگە ھاي بەرگەنلىرى تۈزۈكمىكىن، ئەل-يۇرت ئىچىدە يۈز كۆتۈرۈپ يۈرگىلى يول قالسۇن

يۈز كۆرۈشمەك

  • يۈز كۆرۈشمەك[يەشمىسى:] دىدارلاشماق، بىۋاسىتە ئۇچراشماق، كۆرۈشمەك:[مىسال:] ئۇلار سادىق بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، نېرى-بېرى سۆزلەشكەندىن كېيىن ناھىيىلىك پارتكومغا قاراپ ماڭدى.

يۈز كېلەلمەسلىك

  • يۈز كېلەلمەسلىك[يەشمىسى:] مەلۇم بىر سەۋەنلىك، گۇناھ ياكى ئۇياتلىق ئىش سادىر قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قېلىش، قارشى تەرەپكە يۈرەكلىك، نورمال مۇئامىلە قىلالماسلىق:[مىسال:] پادىشاھ مەلىكىگە يۈز كېلەلمەي بېشىنى تۆۋەن ساپتۇ.

يۈز ئۆرۈمەك

  • يۈز ئۆرۈمەك[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ياكى كىشىدىن ۋاز كەچمەك، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت، ئىتائەت، بويسۇنۇش قاتارلىقلارنى تەرك ئەتمەك، بىكار قىلماق، ۋاز كەچمەك:[مىسال:] بىر يىگىتتىن يۈز ئۆرۈپ يەنە بىر يىگىتكە كۆڭۈل بېرىش پاتىمەنىڭ چۈشەنچىسىدە ھاقارەتلىك ۋە نومۇسلۇق ئىش ئىدى.

يۈزى پولۇ

  • يۈزى پولۇ[يەشمىسى:] قېلىن، ئۇيالماس:[مىسال:] ئۇنىڭمۇ يۈزى پولۇ ئەمەستۇ، دېدى رازىيە.

يۈزى تۆكۈلمەك

  • يۈزى تۆكۈلمەك[يەشمىسى:] ئەل ئىچىدىكى ئابرۇي-ئىناۋىتى، ئىززەت-ھۆرمىتى، نام-شۆھرىتى يوق بولماق:[مىسال:] ئاشۇ بىر قېتىملىق سەتچىلىكتىن كېيىن ئۇنىڭ يۈزى تۆكۈلدى.

يۈزى تۆۋەن

  • يۈزى تۆۋەن[يەشمىسى:] نومۇسچان، تارتىنچاق، نېپىز:[مىسال:] سەلىمە يۈزى تۆۋەن، ياۋاش قىز بوپتۇ.

يۈزى چوڭ

  • يۈزى چوڭ[يەشمىسى:] ئەل ئىچىدە يۇقىرى نوپۇز، ئىشەنچكە ئىگە، ھۆرمىتى يۇقىرى، نوپۇزلۇق:[مىسال:] داموللامنىڭ ئەل ئىچىدە يۈزى چوڭ، دېدى ئۇ قوشۇمچە قىلىپ.

يۈزى چۈشمەك

  • يۈزى چۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈزى تۆكۈلمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] مەن بۇنداق بوزەك بولۇپ باقمىغان، بەك يۈزۈم چۈشتى.

يۈزى چىدىماسلىق

  • يۈزى چىدىماسلىق[يەشمىسى:] نومۇس قىلىش، خىجىل بولۇش، ئۇيىلىش، يۈز كېلەلمەسلىك:[مىسال:] بۇرادەرلەر، راست گەپنى قىلسام، ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىشقا يۈزۈم چىدىمايدۇ، ۋىجدانىم كۆيىدۇ!

يۈزى داپتەك

  • يۈزى داپتەك[يەشمىسى:] «يۈزى قېلىن»غا قاراڭ:[مىسال:] يۈزلىرى داپتەك ئىكەن، جۇمۇ، سىلىنىڭ دېدى ھېلىقى خوتۇن يەنە چالۋاقاپ.

يۈزىدە تۈكى بار

  • يۈزىدە تۈكى بار[يەشمىسى:] نومۇسسىز، يۈزسىز، ئاسانلا يۈز ئۆرۈيدىغان، يۈزى يوق.

يۈزىدىن قېنى قاچماق

  • يۈزىدىن قېنى قاچماق[يەشمىسى:] ئالاقزادە بولۇپ ياكى جىددىيلىشىپ يامان ئىش قىلىش تەرىپىگە يۈزلەنمەك؛ قورقماق، ئالاقزادە بولماق؛ ئاچچىقلانماق.

يۈزىدىن ئوت يانماق

  • يۈزىدىن ئوت يانماق[يەشمىسى:] قاتتىق خىجىللىق، ئىزا-ئاھانەت ھېس قىلماق، ئىزا تارتماق.

يۈزىدىن يۈزىگە

  • يۈزىدىن يۈزىگە[يەشمىسى:] بىۋاسىتە ئۆزىگە، يۈزىگىلا:[مىسال:] كىچىكئاخۇننىڭ ئۆزىمۇ بۇ لەقىمىدىن ئانچە خاپا بولۇپ كەتمەيتتى، باشقىلار يۈزىدىن يۈزىگە «لەقۋا» دەپ چاقىرسىمۇ پەرۋا قىلمايتتى.

يۈزى سۆرۈن

  • يۈزى سۆرۈن[يەشمىسى:] مۇز چىراي، چىرايى سوغۇق، يېقىمسىز.

يۈزى قېلىن

  • يۈزى قېلىن[يەشمىسى:] نومۇسسىز، ئىزا-ئاھانەتنى بىلمەيدىغان، ئار-نومۇستىن خالىي:[مىسال:] يۈزۈم قېلىن، كۆڭلۈم نازۇك (ماقال).

يۈزى قىزارماق

  • يۈزى قىزارماق[يەشمىسى:] ئىزا تارتىش، ئۇيىلىش، خىجىل بولۇش تۇيغۇسى قوزغالماق، ئۇيالماق، ئىزا تارتماق، نومۇس قىلماق:[مىسال:] مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ دەسلەپكى تەنتەكلىكىمنى ئويلىسام يۈزۈم قىزىرىپ كېتىدۇ.

يۈزى كەتمەك

  • يۈزى كەتمەك[يەشمىسى:] يۈز-ئابرۇيى تۆكۈلمەك، يەرگە قاراپ قالماق:[مىسال:] «يۈزۈم كېتىدۇ» دەپ قورقماي، ھەقىقەتنى سۆزلەش كېرەك.

يۈزىگە چىقماق

  • يۈزىگە چىقماق[يەشمىسى:] چىرايىدا ئىپادىلەنمەك، چىرايىدا بىلىنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ مۇدىرغا بولغان غەزىپى بىردىنلا يۈزىگە چىقتى.

يۈزىگە سالماق

  • يۈزىگە سالماق[يەشمىسى:] توپتوغرا، بىۋاسىتە ئۆزىگە ئېيتماق:[مىسال:] ھازىرغىچە ھېچكىم مۇنداق گەپنى يۈزىمىزگە سالغان ئەمەس

يۈزىگە سەت

  • يۈزىگە سەت[يەشمىسى:] نام-شەرىپى، ئىززەت ھۆرمىتىگە لايىق ئەمەس، ئار-نومۇسلۇق:[مىسال:] چەت ئەللىك مېھمانلار سىزنى بۇ سەھرا كىيىمى بىلەن كۆرسە نېمىمۇ دەر-ھە يەنىلا بىزنىڭ يۈزىمىزگە سەت

يۈزىگە سۈرتمەك

  • يۈزىگە سۈرتمەك[يەشمىسى:] سېغىنغانلىق ياكى قەدىرلىگەنلىك، ئەتىۋارلىغانلىققا ئىشارە:[مىسال:] ئۇ پەرىدەنىڭ سۈرىتىنى يۈزلىرىگە يېنىش-يېنىشلاپ سۈرتتى.

يۈزىگە قارا سۈركىمەك

  • يۈزىگە قارا سۈركىمەك[يەشمىسى:] قارا چاپلىماق، بوھتان قىلماق.

يۈزىگە قارىماسلىق

  • يۈزىگە قارىماسلىق[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي ياتلىشىپ، بارلىق مۇناسىۋەتنى بىكار قىلىپ، ئالاقە قىلماسلىق، ئارىلاشماسلىق:[مىسال:] ئىككىنچى يۈزۈڭگە قارىمايمەن، مۇناپىق دېدى ئۇ ئەمەتنى قوغلاپ چىقىرىپ.

يۈزىگە قارىيالماسلىق

  • يۈزىگە قارىيالماسلىق[يەشمىسى:] «يۈز كىلەلمەسلىك».

يۈزىگە قان يۈگۈرمەك

  • يۈزىگە قان يۈگۈرمەك[يەشمىسى:] قورقۇنچ، ۋەھىمىدىن خالىي بولماق، خاتىرجەم بولماق، يۈرىكى ئىزىغا چۈشمەك:[مىسال:] ھەممە جايىدا ئىدى، زۇليارنىڭ يۈزىگە قان يۈگۈردى.

يۈزىگە يۇندى چاچماق

  • يۈزىگە يۇندى چاچماق[يەشمىسى:] خارلىماق، ئوسال قىلماق؛ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماق، يەرگە قاراتماق.

يۈزىنى ئاچماق

  • يۈزىنى ئاچماق[يەشمىسى:] نومۇسنى، شەرمى-ھايانى، ئىزا-ئاھانەتنى بىلمەيدىغان، ئۇيالمايدىغان قىلىپ قويماق:[مىسال:] سەن نەدىكى سەت گەپلەرنى قىلىپ، قىزلارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىدىغان بولدۇڭ، دېدى ئايسىخان.

يۈزىنى داپتەك قىلماق

  • يۈزىنى داپتەك قىلماق[يەشمىسى:] ئار-نومۇسنى، ئىزا-ئاھانەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويماق، نومۇسسىزلىق قىلماق، قېلىنلىق قىلماق.

يۈزىنى دېمەك

  • يۈزىنى دېمەك[يەشمىسى:] يۈز-ئابرۇيىنى، ئىناۋەت-ھۆرمىتىنى نەزەرگە ئالماق، يۈزىگە قارىماق، يۈزىنى قىلماق.

يۈزىنى سىلىۋېتىپ گەپ قىلماق

  • يۈزىنى سىلىۋېتىپ گەپ قىلماق[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى، كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ بېقىپ، ئاندىن گەپ قىلماق.

يۈزىنى سىپىۋەتمەك

  • يۈزىنى سىپىۋەتمەك[يەشمىسى:] ھۆرمەت، ئابرۇيىنى بىر ياققا قايرىپ قويماق.

يۈزىنى قىلماق

  • يۈزىنى قىلماق[يەشمىسى:] ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلماق، ئابرۇي، ئىناۋىتىنى ھېسابقا ئالماق، يۈز-خاتىرە قىلماق.

يۈزىنى كۆتۈرەلمەسلىك

  • يۈزىنى كۆتۈرەلمەسلىك[يەشمىسى:] ئىزا-ئاھانەت، ئار-نومۇستىن ئەل ئىچىدە ئەركىن يۈرەلمەسلىك، نومۇستىن قاتتىق ئۇيىلىش.

يۈزىنى يورۇق قىلماق

  • يۈزىنى يورۇق قىلماق[يەشمىسى:] خىجىللىقتىن قۇتۇلدۇرماق.

يۈزى ئوچۇق

  • يۈزى ئوچۇق[يەشمىسى:] ① گۇناھ-سەۋەنلىكى، ئەيىب-نۇقسانلىرى يوق، خەقنىڭ ئالدىدا تىل تۇتۇقى يوق.[يەشمىسى:] ② توي قىلغان.

يۈزى ئوچۇق بولماق

  • يۈزى ئوچۇق بولماق[يەشمىسى:] خىجىللىق، ئىزا-ئاھانەتتىن خالىي بولماق.

يۈزى ئېچىلمىغان

  • يۈزى ئېچىلمىغان[يەشمىسى:] ① چوڭلار ئارىسىدىكى بەزىبىر گەپ-سۆز، قىلىقلارنى بىلمەيدىغان، نېپىز، تارتىنچاق.[يەشمىسى:] ② توي قىلمىغان.

يۈزى يورۇق

  • يۈزى يورۇق[يەشمىسى:] خىجىل بولغۇدەك، ئىزا-ئاھانەتكە قالغۇدەك گۇناھى، سەۋەنلىكى ياكى قىلمىشى يوق.

يۈزى يوق

  • يۈزى يوق[يەشمىسى:] يۈزسىز، نومۇسسىز، ئىزا-ئاھانەتنى، ئار-نومۇسنى بىلمەيدىغان.

يۈز-ئابرۇي

  • يۈز-ئابرۇي[يەشمىسى:] يۈز ۋە ئابرۇي، نام-ئاتاق:[مىسال:] ئىسرائىلئاخۇن يۈز-ئابرۇيىمۇ بار، قول-ئىلىكىدىمۇ بار ئادەم.

يۈزئاچقۇ

  • يۈزئاچقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يۈز+ئاچ+قۇ[[يەشمىسى:] توينىڭ ئىككىنچى كۈنى يىگىت تەرەپ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-جامائىتىنى چاقىرىپ، قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم:[مىسال:] بۈگۈن قىزنىڭ يۈزئاچقۇسىنى قىلماقچى ئىكەن.

يۈزە

  • يۈزە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوڭقۇر ئەمەس، تېيىز؛ ئاددىي، ئادەتتىكى:[مىسال:] سەن ئاشۇنداق يۈزە قاراش بىلەن كىشىلەرنى قارىلىما. ∥سىزنىڭ ياخشى ئىشلىگەن تەرىپىڭىزمۇ، يۈزە ئىشلەپ قويغان تەرىپىڭىزمۇ بار.

يۈزەكى

  • يۈزەكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوڭقۇر، ئەتراپلىق بولمىغان، ئادەتتىكى، ئاددىي:[مىسال:] مەن ئۇنى ئاشۇنداق يۈزەكى قاراش بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە كەمسىتىپ يۈردۈم. ∥ يۈزەكى تۈزەش.

يۈزەكىلىك

  • يۈزەكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوڭقۇر، ئەتراپلىق بولماسلىق، ئاددىيلىق.

يۈزەلىك

  • يۈزەلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۈزە ھالەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرىنىلا كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى كۆرمەيدىغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، يەنى مېتافىزىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.

يۈزبېشى

  • يۈزبېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]يۈز+باش+ى[[يەشمىسى:] ① يۈز ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىدىغان ھەربىي ئەمەلدار.[يەشمىسى:] ② يېزىلاردا يۈز ئائىلىنى باشقۇرغۇچى مەھەللە ئەمەلدارى، ئاقساقال:[مىسال:] كۆپكۆك يېشىل پوتامنى، بېلىمگە باغلاپ قويدى. تۇرسۇندەك يالاقچىنى، يۈزبېشى سايلاپ قويدى.

يۈزبېشىلىق

  • يۈزبېشىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈزبېشىغا يۈكلەنگەن، يۈزبېشى ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپە، خىزمەت:[مىسال:] نامان بۇرۇن يېڭىيەر يېزىسىدا ئۇزۇن يىل يۈزبېشىلىق قىلغانىدى.

يۈزبېگى

  • يۈزبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]يۈز+بەگ+ى[[يەشمىسى:] يۈز ئائىلىنى باشقۇرغۇچى مەھەللە ئەمەلدارى، ئاقساقال.

يۈزتۇرا

  • يۈزتۇرا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]يۈز+تۇر+ا[[يەشمىسى:] يۈزيۇيۈز، ئۇدۇلمۇئۇدۇل:[مىسال:] سىلەرگە يۈزتۇرا ئېيتىپ قوياي، ئەمدى سوراپ مېنى ئاۋارە قىلماڭلار، -دېدى ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ.

يۈزتۇرانە

  • يۈزتۇرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]يۈز+تۇر+ا+نە[[يەشمىسى:] «يۈزتۇرا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ساقى بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلەشمەكچى بولۇپ، ئۆيدىن شامالدەك چىقىپ كەتتى.

يۈز-خاتىرە

  • يۈز-خاتىرە[يەشمىسى:] نام-ئابرۇي، ئىززەت-ھۆرمەت، يۈز:[مىسال:] ماقۇل، -دېدى كېۋىرئاخۇن، ھەرگىز يۈزۈڭگە قارىماسمەن دېۋىدىم. خەير، ئاناڭنىڭ يۈز-خاتىرى.

يۈزدەيۈز

  • يۈزدەيۈز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، تامامەن، تولۇق، ھەممىسى:[مىسال:] — سېنىڭ ھازىر دېگەنلىرىڭ يۈزدەيۈز توغرا.

يۈزسىز

  • يۈزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزى يوق، نومۇسسىز، ئىزا-ئاھانەت، ئار-نومۇسنى بىلمەيدىغان، ئاسانلا يۈز ئۆرۈيدىغان:[مىسال:] ئەمدى «ئېرىم»دەپ تۇغقان ئاناڭدىن كېچەمسەن، يۈزسىز... دەپ ۋارقىرىدى ھېنىپىخان.

يۈزسىزلەرچە

  • يۈزسىزلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يۈزسىزلىك بىلەن، ئار-نومۇسنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، پەسلىك بىلەن، نومۇسسىز ھالدا:[مىسال:] ئۇ شۇنداق دېدى-دە يۈزسىزلەرچە كېتىپ قالدى.

يۈزسىزلىك

  • يۈزسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئار-نومۇسنى بىلمەسلىك، نومۇسسىزلىق:[مىسال:] يۈزسىزلىك قىلماق.

يۈز-كۆز

  • يۈز-كۆز[يەشمىسى:] يۈز ۋە كۆز، ئومۇمەن چىراي:[مىسال:] -بولدى، -دېدى خاسىيەت ھاسىراپ، يۈرىكىمنىغۇ بىر يەرگە يەتكۈزدىڭىز، ئەمدى يۈز-كۆزلىرىم قالسۇن

يۈزلەپ

  • يۈزلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەچچە يۈزگە يەتكەن، نەچچە يۈز، ناھايىتى نۇرغۇن، كۆپ:[مىسال:] توساتتىنلا بولۇپ پاتىپاراق، چىقتى ھازا، يېتىپ كەلدى يۈزلەپ جانغا، ماتەم-قازا.

يۈزلەپ-مىڭلاپ

  • يۈزلەپ-مىڭلاپ[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن-نۇرغۇن، تولا-تولا:[مىسال:] ئۇ شۇ كەمگىچە يۈزلەپ-مىڭلاپ سۈرەتلەرنى تارتتى.

يۈزلەشتۈرمەك

  • يۈزلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «يۈزلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنى ئېرى بىلەن يۈزلەشتۈرمەي ئاجرىتىۋېتىشنى سورىدى.

يۈزلەشتۈرۈشمەك

  • يۈزلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈزلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈزلەشتۈرۈلمەك

  • يۈزلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يۈزلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىز كىچىك بىر ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈزلەشتۈرۈلدۇق.

يۈزلەشمەك

  • يۈزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ يۈزمۇيۈز بولماق، روبىرو بولۇپ يۈز كۆرۈشمەك، يۈز تۇرانە ئۇچراشماق:[مىسال:] ئەگەر ئۇ تېنىۋالىمەن دەيدىغان بولسا، شۇ تاپتىلا يۈزلىشەلەيمەن-دەپ قوشۇپ قويدى ھېزىم.

يۈزلەندۈرمەك

  • يۈزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «يۈزلەنمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۈزلەندۈرۈشمەك

  • يۈزلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈزلەندۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈزلەندۈرۈلمەك

  • يۈزلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يۈزلەندۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۈزلەنمەك

  • يۈزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر كىمگە ياكى نەرسىگە يۈزىنى قاراتماق، شۇ تەرەپكە بۇرۇلماق، قارىماق:[مىسال:] ئۇ ئاستا بۇرۇلۇپ كۆپچىلىككە يۈزلەندى.[يەشمىسى:] ② بىرەر تەرەپكە قاراپ ماڭماق، يول ئالماق، قوزغالماق:[مىسال:] قاراڭلار، سەزدىڭلارمۇ ئامبارنىڭ سۈيى بىز تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.

يۈزلۈكⅠ

  • يۈزلۈكⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈز-چىرايى بار:[مىسال:] ھېلىقى ئورۇق يۈزلۈك، يېشى توختىغان ئىشچى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈز ئابرۇيى بار، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ھۆرمەتلىك:[مىسال:] ھازىر ئۇ ناھىيىدە خېلىلا يۈزلۈك رەھبىرىي كادىر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] دۇتار، تەمبۇر، راۋابقا ئوخشاش سازلارنىڭ يۈز تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان ماتېرىيال، شۇنىڭغا كېرەكلىك دەپ تەييارلانغان نەرسە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاراۋانلار قوش تىككەندە قوشنىڭ يۈزىگە ياپىدىغان كىگىز.

يۈزلۈكⅡ

  • يۈزلۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] 100 بىلەن ئىپادىلەنگەن، مىقدارى 100 بولغان:[مىسال:] يۈزلۈك ئۈلۈش.

يۈزلىگەن

  • يۈزلىگەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەچچە يۈزگە يېتىدىغان، بىر نەچچە يۈز:[مىسال:] ساينىڭ ئىچى يۈزلىگەن ئوتۇن ھارۋىلىرى بىلەن تولغانىدى.

يۈزلىگەن-مىڭلىغان

  • يۈزلىگەن-مىڭلىغان[يەشمىسى:] نەچچە يۈز، نەچچە مىڭغا يېتىدىغان، ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇنلىغان:[مىسال:] بۇلارنىڭ زۇلمىدىن يۈزلىگەن-مىڭلىغان خەلق زار-زار قاقشىماقتا.

يۈزلىنىش

  • يۈزلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر مەھەل كىشىلەر ئارىسىدا ئەۋج ئالغان قىزىقىش ۋە پائالىيەت:[مىسال:] ھازىر توينى رېستۇراندا ئۆتكۈزۈش بىر يۈزلىنىش بولۇپ قالدى.

يۈزلىنىشمەك

  • يۈزلىنىشمەك[يەشمىسى:] «يۈزلەنمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈزمۇيۈز

  • يۈزمۇيۈز[يەشمىسى:] روبىرو، بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ:[مىسال:] يۈزمۇيۈز سۆزلەشمەك.

يۈزىچە

  • يۈزىچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزىدىن-يۈزىگە، نەق ئۆزىگە، يۈزمۇيۈز:[مىسال:] ئاغىچا خېنىم گەرچە ئۇنىڭ يۈزىچە ھېچ نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن نارازىلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

يۈزىسىدىن

  • يۈزىسىدىن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] تۈپەيلىدىن، سەۋەبىدىن، توغرىسىدىن:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا مېنىڭ قەلبىم ئېچىنىش يۈزىسىدىن ئازابلىناتتى.

يۈزىنچى

  • يۈزىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] سان، رەت تەرتىپى «100»رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن، تەرتىپ جەھەتتە 99-دىن كېيىن، 101-دىن بۇرۇن تۇرىدىغان؛ 100-نومۇرلۇق.

يۈسۈن

  • يۈسۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۇدا ئۆسىدىغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەر. ئادەتتە ئۇ سۇدا ئۆسىدىغان بەلىزار ۋە كۆپۈكئوت قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۈك

  • يۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر يەردىن ئىككىنچى بىر يەرگە كۆتۈرۈپ ياكى توشۇپ بېرىلىشى لازىم بولغان نەرسە:[مىسال:] يۈك توشۇماق. يۈك ئابتوموبىلى. يۈك پاراخوتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر زەنجرىگە ئۇلانغان ئۆتكۈزگۈچى ياكى ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى. مەسىلەن، ئېلېكتر لامپىسى، ئېلېكتر ئارقىلىق قىزىغۇچى ئەسۋابلار، ئېلېكتر ماتورى، ئېلېكتر قارشىلىقى قاتارلىقلار.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى ھەمدە فىزىئولوگىيىلىك توقۇلمىلار قاتارلىقلارنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۈستىگە ئالغان خىزمەت سالمىقى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] قۇرۇلۇش بۆلەكلىرىگە تەسىر قىلىدىغان كۈچ. ئورنى، مىقدارى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدىغانلىرى ستاتىستىكىلىق يۈك؛ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىرى دىنامىكىلىق يۈك دېيىلىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئۆز ئېغىرلىقى ستاتىستىكىلىق يۈك بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر كىشىنىڭ بېجىرىشى ياكى ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولغان خىزمەت، ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت ياكى مەسئۇلىيەت؛ جاۋابكارلىق:[مىسال:] يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرمەك. ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالماق.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىئىختىيار كۆتۈرۈش ياكى بېجىرىشكە مەجبۇر بولغان، غەمگە سالىدىغان ئارتۇقچە ئىش، نەرسە:[مىسال:] يۈك بولۇپ قالماق. ئىدىيىۋى يۈك.

يۈك-تاق

  • يۈك-تاق[يەشمىسى:] سەپەرگە چىققاندا ئېلىپ ماڭغان سومكا ۋە يوتقان-كۆرپىگە ئوخشاش نەرسىلەر:[مىسال:] يۈك-تاقىڭىزنى قويۇپ قويۇپلا مۇدىر ئىشخانىسىغا بېرىڭ، شۇ چاغدا ھەممىنى چۈشىنىسىز.

يۈكچى

  • يۈكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتناش بېكەتلىرىدە قاتناش قوراللىرىغا يۈك قاچىلاش ۋە ئۇنىڭدىن يۈك چۈشۈرۈش ئىشىنى قىلىدىغان كىشى؛ ھاممال:[مىسال:] پرىستاندا يۈكچىلەر ئۇ يان-بۇ يان مېڭىپ يۈرەتتى.

يۈكسەك

  • يۈكسەك [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىز، يۇقىرى؛ بۈيۈك، كاتتا:[مىسال:] «سۇلتان ئەخمەت جامەسى»نىڭ ئەتراپىدا ئالتە يۈكسەك مۇنار بار.∥ئىلىم-ھېكمەت ئېلىپ چىققاي سېنى يۈكسەككە ئويماندىن، ئىلىم خۇشتارىسەن ھەر چاغ ئىشىڭدا غەلىبە-نۇسرەت بار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالىي، يۇقىرى، ناھايىتى چوڭ، ياخشى، ئوبدان، ئېسىل:[مىسال:] رەھمەت سىزگە نۇربۈۋى، ئاددىي ئەمگىكىمگە يۈكسەك باھا بەردىڭىز.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەر ئىسمى.

يۈكسەكلىك

  • يۈكسەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگىزلىك، بۈيۈكلۈك؛ ئالىيجاناپلىق:[مىسال:] قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئادەمدە يۈكسەكلىك بولۇشى كېرەك.

يۈكسەلدۈرمەك

  • يۈكسەلدۈرمەك[يەشمىسى:] «يۈكسەلمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۈكسەلدۈرۈشمەك

  • يۈكسەلدۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈكسەلدۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈكسەلدۈرۈلمەك

  • يۈكسەلدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يۈكسەلدۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۈكسەلمەك

  • يۈكسەلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېگىزلىمەك، ئۆرلىمەك، يۇقىرىلىماق:[مىسال:] كۈنسېرى قۇدرەت تېپىپ ھەم يۈكسىلىپ ئاسمان-پەلەك، غۇنچىلار قىستىڭ چېكەڭگە، كۈلدى دىل-جانىم ۋەتەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆسمەك، راۋاجلانماق، تەرەققىي قىلماق، ياخشىلانماق:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلار تامام ئۆزگەردى، لاۋازىمات خىزمىتىمۇ يۈكسىلىپ كەتتى.

يۈكسىز

  • يۈكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈكى يوق، يۈك ئارتىلمىغان ياكى بېسىلمىغان، بىكار، قۇرۇق:[مىسال:] يۈكسىز ۋاگون.

يۈكلەتمەك

  • يۈكلەتمەك[يەشمىسى:] «يۈكلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۈكلەشمەك

  • يۈكلەشمەك[يەشمىسى:] «يۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈكلەنمەك

  • يۈكلەنمەك[يەشمىسى:] «يۈكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاخىرى بۇ ئىش لۇتپۇللاغا يۈكلەندى.

يۈكلۈك

  • يۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈكى بار، يۈك ئارتىلغان، يۈك بېسىلغان:[مىسال:] يۈكلۈك ھارۋا.

يۈكلىمە

  • يۈكلىمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈكلەنگەن ياكى يۈكلەيدىغان:[مىسال:] يۈكلىمە دولقۇن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى، يەنى سۆزلەرگە، سۆز بىرىكمىلىرىگە ياكى جۈملىلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ، شۇ سۆز ياكى جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىش، ئاجىزلىتىش ياكى تەكىتلەش، سوراق قاتارلىق قوشۇمچە مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ياردەمچى سۆزلەر. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى«-مۇ»، «-ما»، «-غۇ»، «-قۇ»، «-چۇ»... دېگەنلەرگە ئوخشاش.

يۈكلىمەك

  • يۈكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۈك ئارتماق، يۈكنى ترانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈستىگە جايلاشتۇرماق:[مىسال:] قۇللار پەرمان بويىچە، ئۇنى تۆگىگە يۈكلەپ يولغا چۈشۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ۋەزىپە ياكى ئىش تاپشۇرماق، بۇيرۇماق، زىممىسىگە قويماق:[مىسال:] بىز ئۇلارغا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەپ، ئادرېسىنى يېزىۋېلىپ بالىنى بەردۇق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دۆڭگىمەك، ئىتتىرىپ قويماق، قارا چاپلىماق:[مىسال:] گۇناھ يۈكلىمەك.

يۈكۈندۈرمەك

  • يۈكۈندۈرمەك[يەشمىسى:] «يۈكۈنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۈكۈندۈرۈلمەك

  • يۈكۈندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يۈكۈندۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۈكۈنمەك

  • يۈكۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى تىزنى جۈپلەپ يەرگە تىرەپ، كاسىنى ئىككى پۇت تاپىنىنڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئولتۇرماق:[مىسال:] بوۋاي ئورنىدىن سەل قوزغىلىپ، يېڭىۋاشتىن يۈكۈندى.

يۈكۈنۈشمەك

  • يۈكۈنۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈكۈنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككىسى تەڭلا قۇشبېگىنىڭ ئۇدۇلىغا يۈكۈنۈشتى.

يۈگەن

  • يۈگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئېغىزىغا سالىدىغان، جۆجەي، تىزگىن ۋە چۇلۋۇرلىرى بولغان، ئېغىزدا تۇرىدىغان يېرى تۆمۈردىن ياسالغان، قالغان يېرى تاسمىدىن ياسالغان بۇيۇم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كونترول، تىزگىن:[مىسال:] ئۆگەنگىن دوستۇم، تىرىشىپ ئۆگەن. ۋاقىت بوينىغا سېلىپ سەن يۈگەن.

يۈگەنچە

  • يۈگەنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوغىنىڭ باش قىسمىغا يۆگەلگەن تاسما.

يۈگەنچى

  • يۈگەنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈگەن ياسايدىغان ۋە ساتىدىغان كىشى.

يۈگەنسىز

  • يۈگەنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يۈگىنى يوق، يۈگەن سالمىغان، يۈگەنلەنمىگەن:[مىسال:] ئۈچتۇرپاندىن ئات ئېلىپ، مىنىپ كەلدىم يۈگەنسىز. بۇ يۇرتقا مۇساپىرمەن، بىر قاراپلا بىلگەنسىز.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كونترول قىلىنمىغان، تىزگىنلەنمىگەن:[مىسال:] يۈگەنسىز دەريا ئېقىنى ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىۋەتتى.

يۈگەنسىزلىك

  • يۈگەنسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈگەنسىز، كونترولسىز ھالەت.

يۈگەنلەتمەك

  • يۈگەنلەتمەك[يەشمىسى:] «يۈگەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يۈگەنلەشمەك

  • يۈگەنلەشمەك[يەشمىسى:] «يۈگەنلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈگەنلەكلىك

  • يۈگەنلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈگەنلەنگەن، يۈگەن سېلىنغان.

يۈگەنلەنمەك

  • يۈگەنلەنمەك[يەشمىسى:] «يۈگەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يۈگەنلىك

  • يۈگەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈگىنى بار، يۈگەنلەنگەن، يۈگەن سېلىنغان:[مىسال:] ئۇ بارغان پېتى ھېلىقى ئالتۇن يۈگەنلىك ئارغىماققا مىنىپتۇ-دە، ئۇچقاندەك مەيدانغا چۈشۈپتۇ.

يۈگەنلىمەك

  • يۈگەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارغا يۈگەن سالماق:[مىسال:] ئۇ ئېتىنى يۈگەنلەپ، يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىزگىنلىمەك، كونترول قىلماق، بويسۇندۇرماق، باشقۇرماق:[مىسال:] ھازىر بىز بوي بەرمەس «ئاپەت ئېغىزى» نى يۈگەنلەشكە ئاتلاندۇق.

يۈگۈرتمەك

  • يۈگۈرتمەك[يەشمىسى:] ① «يۈگۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەۋەتمەك، بۇيرۇماق، ماڭغۇزماق:[مىسال:] مەنسۇرنى ھازىرلا گۆشكە يۈگۈرت دېدى ئۇ ئالدىراش ۋارقىراپ.

يۈگۈرگەك

  • يۈگۈرگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز يۈگۈرىدىغان، يۈگۈرۈپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان:[مىسال:] ئەجەبمۇ يۈگۈرگەك بالىكەنسەنغۇ

يۈگۈرمەك

  • يۈگۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر يۆنىلىشكە قاراپ قەدەملىرىنى ناھايىتى تېز ئېلىپ ماڭماق، چاپماق:[مىسال:] بالىلار «ئاتام كەپتۇ»، «ئاتام كەپتۇ»دەپ يۈگۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدىرىماق:[مىسال:] يۈگۈرگەن قالار، بۇيرۇغان ئالار(ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېز ھەرىكەتلەنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ قوللىرى پىيالىغا يۈگۈردى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامرىماق، جىلۋىلەنمەك، پەيدا بولماق:[مىسال:] بۇنى كۆرگەن ساۋۇتنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەرىكەتلەنمەك، تىكىلىپ، ئۇدۇللىنىپ ئۇيان-بۇيان ھەرىكەتلەنمەك(كۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرى تونۇش، ئەمما بەكمۇ قىسقا يېزىلغان پوچېركا ئۈستىدە يۈگۈردى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چاپلاشماق، يېپىشماق، ئېسىلىۋالماق:[مىسال:] روزىمەت ئىشنىڭ ئاسىنىغا يۈگۈرىدىغان، پۈتۈن يازنىڭ تولىسىنى شەھەردە ئۆتكۈزىدىغان ھۇرۇن بالا ئىدى.

يۈگۈرۈش

  • يۈگۈرۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] چوڭ ۋە تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ھەرىكەت قىلىش، چېپىش:[مىسال:] يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى.

يۈگۈرۈشمەك

  • يۈگۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يۈگۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يۈگۈرۈك

  • يۈگۈرۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز يۈگۈرىدىغان، چاپقۇر؛ ئىتتىك، ئىلدام، تېز:[مىسال:] يۈگۈرۈك ئات. ∥ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا، ئاياغ يۈگۈرۈكى ئاشقا (ماقال).

يۈگۈر-يېتىم

  • يۈگۈر-يېتىم[يەشمىسى:] ئاساسلىق بولمىغان، ئۇششاق-چۈششەك، قوشۇمچە ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] زىياپەتتە يۈگۈر-يېتىمغا ياراپ قالغان پادىچى سۈرىتىدىكى بۇ قىز ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران بوپتۇ.

يۈگۈر-يېتىمچى

  • يۈگۈر-يېتىمچى[يەشمىسى:] ئۇششاق-چۈشەك ئىشلارنى قىلغۇچى، ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچى:[مىسال:] ئۇ بىرەر ئورۇننىڭ يۈگۈر-يېتىمچىسىدەك قىلىدۇ.

يۈنمۇ

  • يۈنمۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] خەنزۇ تىلى خەت تاۋۇشلىرىنىڭ شىڭمۇ ۋە توندىن باشقا بۆلەكلىرى. يەنى خەت ئاھاڭىنىڭ پىنيىندا كەلگەن ئۈزۈك تاۋۇشتىن كېيىن كەلگەن سوزۇق، ئۈزۈك تاۋۇشلار توپى. مەسىلەن، «a»، «an»، «ban»دېگەن بوغۇملاردىكى «a»ۋە «an»تاۋۇشلىرى يۈنمۇ ھېسابلىنىدۇ.

يېپىشتۇرماق

  • يېپىشتۇرماق[يەشمىسى:] «يېپىشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساتىراش ئېھتىياتسىزلىقتىن ئەپەندىمنىڭ بېشىنىڭ بىر نەچچە يېرىنى كېسىپ قويۇپ، پاختا يېپىشتۇرۇپ قويۇپتۇ.

يېپىشقاق

  • يېپىشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېپىشىش، چاپلىشىش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، چاپلاشقاق، ئاسانلا يېپىشىدىغان (تۈرلۈك نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] يېپىشقاق لاي.[يەشمىسى:] ② باشقىلاردىن يېتىرقىمايدىغان، ياتسىرىمايدىغان، چىقىشقاق:[مىسال:] نىزام يېپىشقاق يىگىتلەردىن ئەمەس ئىدى.

يېپىشقاقلىق

  • يېپىشقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاسانلا يېپىشىدىغان، چاپلىشىدىغان خۇسۇسىيەت، چاپلاشقاقلىق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاقار جىسىملارنىڭ يېپىشىش خۇسۇسىيىتىنى ئۆلچەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار. ئادەتتە ئۇ «دىنامىكىلىق يېپىشقاقلىق»ۋە «كىنېماتىك يېپىشقاقلىق»دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاقار جىسىملارنىڭ ئىچكى خۇسۇسىيىتى. ئاقار جىسىملارنىڭ قوشنا ئېقىش قاتلاملىرى ئارىسىدا نىسبىي سىيرىلىش پەيدا بولغاندا، قاتلاملارنىڭ تېگىشىش يۈزىدە بۇ يۈزگە پاراللېل بولغان نىسبىي سىيرىلىشقا قاراشلىق قىلىدىغان كۈچنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

يېپىشماقⅠ

  • يېپىشماقⅠ[يەشمىسى:] «ياپماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] پۈتۈن مەھەللىدىكىلەر دەرۋازىلىرىنى مەھكەم يېپىشىپ ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشتى.

يېپىشماقⅡ

  • يېپىشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھىم چاپلاشماق، مەھكەم يەملىشىپ ئورناشماق، چاپلاشماق:[مىسال:] ئۇ چاپىنىغا يېپىشىپ قالغان بىر تال يىپنى ئېلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە تېگىپ تۇرماق، يېقىن تۇرماق؛ قويۇق ئالاقىدا بولماق، يېقىن مۇناسىۋەتتە بولماق:[مىسال:] ئۇ بىزگە تازا يېپىشماي تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە مەلۇم بىر مۇددىئا بىلەن ئېسىلىۋالماق، شۇنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋالماق، پېشىگە ئېسىلماق:[مىسال:] يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا (ماقال). [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىك ياكى ئېگىزرەك نەرسىلەرگە ياماشماق:[مىسال:] ھېلىقى بالا بارغان پېتى ھېلىقى يوغان سۆگەتكە يېپىشتى.

يېپىق

  • يېپىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېپىلغان، يېپىپ قويۇلغان:[مىسال:] ھېلىقى كىشى ئاتنى بۇلۇڭدىكى ئۈستى يېپىق ئوقۇرغا باغلاپ، خۇرجۇننى ئالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەخپىي، ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن:[مىسال:] ئۇلار پالۋاننى يوقىتىۋەتسە، سىر يېپىق قېلىۋېرىدۇ، بۈركۈتبەگ يەنە بىر ئايلىنىپ كېلىپ كەنجىبەگنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ③ خالىغانلا ئادەم قاتناشسا بولمايدىغان، مەخسۇس بەلگىلەنگەن كىشىلەر قاتنىشىدىغان، ئادەم سانى چەكلىنىدىغان:[مىسال:] يېپىق سوت.

يېپىق بوغۇم

  • يېپىق بوغۇم[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم. مەسىلەن، يەر، ئات، شەرق دېگەنلەردەك.

يېپىق ئىمتىھان

  • يېپىق ئىمتىھان[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] بىر خىل ئىمتىھان شەكلى. بۇنىڭدا، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىدا ھېچقانداق ماتېرىيالدىن پايدىلىنشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

يېپىقلىق

  • يېپىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېپىلغان، ھىم ئېتىلگەن، تاقالغان، تاقاقلىق، ئېتىكلىك (ئىشىك-دېرىزە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئىشىك يېپىقلىق، دېرىزىدىن چىراغنىڭ غۇۋا شولىسى چۈشۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② يۆگەكلىك، ئۈستىگە ئارتىقلىق ياكى تاشلاقلىق، ئۈستىگە ئوراقلىق:[مىسال:] باھاۋۇدۇن ساندۇق ئۈستىگە يېپىقلىق بىر پارچە سۇلياۋنى كۆرسەتتى. ∥موماينىڭ ئۈستىدە ھېلىقى تاۋار يوتقان يېپىقلىق تۇراتتى.

يېپىلماق

  • يېپىلماق[يەشمىسى:] «ياپماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يېپىنچا

  • يېپىنچا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈستىگە يېپىۋالىدىغان، يېپىنىدىغان تون ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستىنى يېپىش رولىنى ئوينايدىغان، ياپىدىغان:[مىسال:] يېپىنچا قاتلام. يېپىنچا ئۆسۈملۈك.

يېپىنچاقلاتماق

  • يېپىنچاقلاتماق[يەشمىسى:] «يېپىنچاقلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئالىمغا كونا ئۆڭ جۇۋىسىنى يېپىنچاقلىتىپ قويدى.

يېپىنچاقلاشماق

  • يېپىنچاقلاشماق[يەشمىسى:] «يېپىنچاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار پەلتولىرىنى يېپىنچاقلىشىپ يۈگۈرگىنىچە ماشىنا تەرەپكە كەتتى.

يېپىنچاقلانماق

  • يېپىنچاقلانماق[يەشمىسى:] «يېپىنچاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

يېپىنچاقلىماق

  • يېپىنچاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاش كىيىمنى يېڭىنى قولغا ساپمايلا كىيىۋالماق، ئۈستىگە ئارتىۋالماق:[مىسال:] ئۇ ئۇزۇن چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ ئىشىكنى ئاچتى.

يېپىنچىسىز

  • يېپىنچىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېپىنچا يېپىنمىغان ياكى يېپىنچىسى يوق، ھېچقانداق نەرسە يېپىنمىغان:[مىسال:] سەمەت كېسەكنى تەكىيە قىلىپ يېپىنچىسىز ئۇخلاشقا مەجبۇر بولدى.

يېپىنماق

  • يېپىنماق[يەشمىسى:] «ياپماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما (ماقال).

يېتەرسىز

  • يېتەرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمچىل، تولۇق ئەمەس، كەم:[مىسال:] مەن ساۋاقداشلاردىن ئۆزۈمنىڭ يېتەرسىز يەرلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

يېتەرسىزلىك

  • يېتەرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولۇق، مۇكەممەل ئەمەسلىك، كەملىك؛ كەمچىلىك:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرىمنى تولۇقلىدى.

يېتەرلىك

  • يېتەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولۇق يەتكۈدەك، تولۇق، پۈتۈن؛ مۇكەممەل:[مىسال:] ئەمدى قولىڭىزدا يېتەرلىك پۇل تۇرۇپمۇ ئوبدان سائەتتىن بىرنى ئالمىسىڭىز، ئۆزىڭىزگە سەت ئەمەسمۇ

يېتەر-يەتمەس

  • يېتەر-يەتمەس[يەشمىسى:] مەلۇم بىر چەككە تولۇق يەتمەي، مەلۇم بىر چەك، ۋاقىت تولۇق توشماي:[مىسال:] بىر يىلغا يېتەر-يەتمەي بىر بالىلىقمۇ بولۇپ قالدىم.

يېتەك

  • يېتەك [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېتەكلەپ، ئەگەشتۈرۈپ مېڭىش، يېتەكلەش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېتەكلەپ ماڭىدىغان:[مىسال:] يېتەك ئات.

يېتەكچى

  • يېتەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېتەكلىگۈچى، يېتەكلەپ ماڭغۇچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى:[مىسال:] قوشۇن يېتەكچىسى. ∥يېتەكچى ئىدىيە.

يېتەكچىلىك

  • يېتەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېتەكلەش، يېتەكلەش ئىشى:[مىسال:] يېتەكچىلىك قىلماق.

يېتەكلەشمەك

  • يېتەكلەشمەك[يەشمىسى:] «يېتەكلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يېتەكلشمەك

  • يېتەكلشمەك[يەشمىسى:] «يېتەكلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېتەكلەنمەك

  • يېتەكلەنمەك[يەشمىسى:] «يېتەكلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇلار ياخشى يېتەكلىنىپ، ئوبدان تەربىيىگە ئىگە بولدى.

يېتەكلىمەك

  • يېتەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشلىماق، يول كۆرسىتىپ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە دەۋەت قىلماق، رەھبەرلىك قىلماق:[مىسال:] بۇ باتاليوننى سوپىئاخۇن سوۋۇرۇۋ شەخسەن ئۆزى موڭچوڭقۇرغا يېتەكلەپ ئەكەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② يېتىلىمەك؛ ئەگەشتۈرۈپ ماڭماق، يېتىلەپ ماڭماق:[مىسال:] ئۇ سېمىز بىر كۆك ئاتنى يېتەكلىگەن پېتى ئالدىمغا كېلىپ توختىدى.

يېتو

  • يېتو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالدىدا يېتىلەپ ماڭىدىغان ئات.

يېتوچى

  • يېتوچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېتو ئاتنى يېتىلەيدىغان ئادەم.

يېتۈك

  • يېتۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېتىلگەن، كەم-كۈتىسىز، مۇكەممەل:[مىسال:] يېتۈك شائىر.

يېتىپ-قوپماق

  • يېتىپ-قوپماق[يەشمىسى:] ماكان تۇتۇپ، شۇ يەردىلا تۇرماق، تۇرالغۇ قىلماق:[مىسال:] ئۇمۇ يالغۇز بولۇپ مەكتەپتە يېتىپ-قوپاتتى.

يېتىپ-قوپۇپ

  • يېتىپ-قوپۇپ[يەشمىسى:] بەزىدە يېتىپ ئاندىن يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ:[مىسال:] ئانا كېسىلىگە قارىماي ئۆي ئىشلىرىنى يېتىپ-قوپۇپ قىلاتتى.

يېتىرقاتماق

  • يېتىرقاتماق[يەشمىسى:] «يېتىرقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇرۇن ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان مېھرىنىسا ئەمدى ئۇنى يېتىرقىتىپ قويغانىدى.

يېتىرقاشماق

  • يېتىرقاشماق[يەشمىسى:] «يېتىرقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار مەندىن يېتىرقىشىپ، يوتقاننىڭ ئىچىگە مەھكەم پۈركىنىۋېلىشقانىدى.

يېتىرقىماق

  • يېتىرقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياتسىرىماق، ئەيمەنمەك، تارتىنماق، قورۇنماق:[مىسال:] توۋا خۇدايىم، دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە، بۇ بالا ناتونۇش كىشىنى كۆرسە ئەجەب يېتىرقايدىكەن.

يېتىشتۈرمەك

  • يېتىشتۈرمەك[يەشمىسى:] «يېتىشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئاخىرى بۇ يىگىتنى تېخىمۇ ۋىجدانلىق، تېخىمۇ چىداملىق باتۇر ئەزىمەت قىلىپ يېتىشتۈردى.

يېتىشتۈرۈشمەك

  • يېتىشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يېتىشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئاخىرى بۇ خىل سورتلۇق ئۇرۇقنى يېتىشتۈرۈشتى.

يېتىشتۈرۈلمەك

  • يېتىشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يېتىشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل رايونىمىزدا 150 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە كۆچەت يېتىشتۈرۈلدى.

يېتىشسىزلىك

  • يېتىشسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كەمچىلىك، ئەيىب، نۇقسان، سەۋەنلىك، يېتەرسىزلىك:[مىسال:] روماندا يەنە بەزى يېتىشسىزلىكلەرمۇ بار.[يەشمىسى:] ② يېتىشمەسلىك، كەملىك؛ تولۇق، يېتەرلىك بولماسلىق، ئازلىق قىلىش:[مىسال:] ئاخىرى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قورال-ياراغ يېتىشسىزلىكىمۇ تەدرىجىي ھەل بولۇپ كەتتى.

يېتىشكەن

  • يېتىشكەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ساھەدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، تالانتلىق، مۇكەممەللەشكەن، تاكامۇللاشقان:[مىسال:] شاھ شەھەردىكى نامدار تېۋىپ، يېتىشكەن ئۆلىمالارنى ئوردىغا يىغىپ تومۇرىنى تۇتقۇزۇپتۇ.

يېتىشماق

  • يېتىشماق[يەشمىسى:] «ياتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار سوزۇلۇپ يېتىشاتتى.

يېتىشمەك

  • يېتىشمەك[يەشمىسى:] ① «يەتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز ئاخىرى بۈگۈنكىدەك بەخت-سائادەتلىك كۈنلەرگە يېتىشتۇق.[يەشمىسى:] ② يەتمەك، يېتىشىۋالماق:[مىسال:] مەن ئۇنى «ئارقىدا قالما، يېتىشىپ ماڭ» دەپ پات-پات ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتىم.

يېتىلەتمەك

  • يېتىلەتمەك[يەشمىسى:] «يېتىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يېتىلەشمەك

  • يېتىلەشمەك[يەشمىسى:] «يېتىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېتىلەك

  • يېتىلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېتىلەش، يېتىلەپ مېڭىش، ئەگەشتۈرۈپ مېڭىش ئىشى، ھەرىكىتى:[مىسال:] قۇربان ھەققىقەتەن يېتىلەككە ئۆگەنگەن تايدەك ياۋاش ئىدى.

يېتىلەكلىك

  • يېتىلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېتىلەنگەن، يېتىلەپ ئېلىپ مېڭىلغان:[مىسال:] ئۇ ئارزۇگۈلنى كۆردى-دە، يېتىلەكلىك ئېتىنى تاشلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.

يېتىلەنمەك

  • يېتىلەنمەك[يەشمىسى:] «يېتىلمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يېتىلدۈرمەك

  • يېتىلدۈرمەك[يەشمىسى:] «يېتىلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمگەك ئادەمنى ھەم ساغلام قىلىدۇ، ھەم توغرا، ھالال قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ.

يېتىلدۈرۈشمەك

  • يېتىلدۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يېتىلدۈرمەك» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېتىلدۈرۈلمەك

  • يېتىلدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يېتىلدۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يېتىلمەسلىك

  • يېتىلمەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىنىڭ غەيرى نورمال يېتىلىشى ياكى كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالماسلىقى.

يېتىلمەك

  • يېتىلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆسۈپ چوڭ بولماق، تاكامۇللاشماق، مۇكەممەللەشمەك؛ ئۆسمەك:[مىسال:] ئۇ نۇرغۇن جەھەتلەردە پۇختا يېتىلگەن پەم-پاراسەتلىك جۇشقۇن يىگىت ئىدى.

يېتىلىمەك

  • يېتىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەگەشتۈرۈپ ماڭماق، چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ ئېلىپ ماڭماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كەينىدىن ئاتلارنى يېتىلەپ ئاقىلبېك چىقتى.[يەشمىسى:] ② يېنىدا بىللە ئېلىپ يېقىن ئەگەشتۈرۈپ يۈرمەك:[مىسال:] گۈلەمخان نەۋرىسنى يېتىلەپ يېتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشلىماق، يېتەكلىمەك:[مىسال:] ئەلۋەتتە، دېدىم مەن، بىزنى يېتىلەپ كېتىپ بارغان ئەنە شۇ غايە.

يېتىمⅠ

  • يېتىمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان:[مىسال:] يېتىم بالا. *يېتىم بۇلۇڭدا، تېرىق تۇلۇمدا (ماقال). [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يالغۇز، يېگانە، ھىمايىچىسىز، بىچارە:[مىسال:] ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى تولىمۇ يېتىم ھېس قىلدى.

يېتىم ئاقساقال

  • يېتىم ئاقساقال [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] سەلبىي مەنىدىكى سۆز.[يەشمىسى:] ئاتىكارچى، ئورۇنسىزلا باشقىلارنىڭ گېپى ۋە ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان، ئۆزىگە لايىق گەپ قىلمايدىغان، چېپىلغاق.

يېتىم تال

  • يېتىم تال[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلار تېنىنىڭ باش تەرىپىدىكى ئىككى تال قىسقا قوۋۇرغا (بىر تەرەپنى ھېسابقا ئالمىغاندا).

يېتىم تىرناق

  • يېتىم تىرناق[يەشمىسى:] ئەسلىي تىرناقتىن بۆلۈنۈپ بىلىنەر-بىلىنمەس چىقىپ قالغان تىرناق.

يېتىم قول

  • يېتىم قول[يەشمىسى:] بەش بارماقتىن باشقا ئارتۇق ئۆسۈپ قالغان ئۆسۈكچى بارماق، ئارتۇق چىقىپ قالغان بارماق.

يېتىم قوۋۇرغا

  • يېتىم قوۋۇرغا[يەشمىسى:] «يېتىم تال»غا قاراڭ.

يېتىم ئوچاق

  • يېتىم ئوچاق[يەشمىسى:] كارۋانلار ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىتىدىغان، تۆمۈردىن پۇت بېكىتىلىپ، چەمبەر شەكلىدە ياسالغان، يۆتكەپ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان بىر خىل ئوچاق.

يېتىم ئوغلاق

  • يېتىم ئوغلاق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ئاتا-ئانىسى يوق، باشپاناھسىز، ئىگە-چاقىسىز، تاشلاندۇق:[مىسال:] تۇل خوتۇننىڭ بالىسى، يېتىم ئوغلاق-دېدى ئۇ ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوقلا.

يېتىمⅡ

  • يېتىمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] كۆپىنچە «ئۈن، كۆز» قاتارلىق بەزى ئىسىملار بىلەن بىللە كېلىپ، «يەتكۈدەك»، «يېتىدىغان»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ ھەم ئارىلىق، ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى ئورنىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئۈن يېتىم.ي

يېتىمچى

  • يېتىمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولغۇچى، مۇساپىر:[مىسال:] ئۇمۇ يېتىمچىلارغا ئەگىشىپ مېڭىۋەردى. ∥يېتىمچى نەۋرىلەر.

يېتىمچىلىك

  • يېتىمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇساپىرچىلىق:[مىسال:] ئۇ يېتىمچىلىك، يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى تازا تارتتى.

يېتىمسىرەتمەك

  • يېتىمسىرەتمەك[يەشمىسى:] «يېتىمسىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يېتىمسىرەشمەك

  • يېتىمسىرەشمەك[يەشمىسى:] «يېتىمسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېتىمسىرىمەك

  • يېتىمسىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېتىملىك ھېس قىلماق، يېتىملىك، يالغۇزلۇق دەردىنى تارتماق:[مىسال:] ئەي ئەزىز تۇپراق، دېدى ئۇ يەردىن بىر ئۇچۇم توپىنى ئېلىپ، مەن ياقا يۇرتتا خارلىنىپ، يېتىمسىرەپ يۈرگىنىمدە سېنى كۆزۈمگە سۈرتكۈدەك بولدۇم.

يېتىملىك

  • يېتىملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاتا-ئانىسىزلىق، يالغۇزلۇق، باشپاناھسىزلىق:[مىسال:] ئورۇقلۇققا كالا ئۆلمەس، يېتىملىككە بالا ئۆلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② يېتىملەرگە ئوخشاش تۇرمۇش، يېتىملەرگە خاس يالغۇزلۇق، زارلىق، بىچارىلىقتا ئۆتىدىغان ھايات:[مىسال:] بارات بىلەن تۆمۈرنىڭ تاشۋاينى يېتىملىكتىن قۇتۇلدۇرغۇسى بولسىمۇ، ئىلاجى يوق ئىدى.

يېتىم-يېسىر

  • يېتىم-يېسىر[يەشمىسى:] ئاتا-ئانىسىز، باشپاناھسىز، ھىمايىچىسىز قالغان ئاجىز كىشىلەر:[مىسال:] بىزدەك تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغان رەھبەرنىڭ مەرتىۋىسى تېخىمۇ چوڭ بولار

يېرىشماق

  • يېرىشماق[يەشمىسى:] «يارماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېرىق

  • يېرىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېرىلغان، ئاجرىغان جاي، چاك:[مىسال:] ياغاچنىڭ يېرىقى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاغ جىنسلىرى تۈزۈلمىسىنىڭ بۇزۇلۇپ ۋەيران بولغان قىسمى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېرىلغان، چاك كەتكەن:[مىسال:] يېرىق تاپان. يېرىق تاڭلاي. يېرىق يوپۇرماق.

يېرىقچە

  • يېرىقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەر يۈزىدىكى كىچىكرەك يېرىق، چاك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يوپۇرماقلارنىڭ گىرۋەكلىرىدىكى ئويمانچىلار.

يېرىقلىق

  • يېرىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېرىقى بار، يېرىلغان، بۆلۈنگەن، يېرىلىپ بولغان، يېرىپ قويۇلغان:[مىسال:] يېرىقلىق ئوتۇن.

يېرىلغا

  • يېرىلغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاغ تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 25 مېتىر ئەتراپىدا. ئۆسۈشى تىز. نەم ۋە سۇغا چىدامسىز. ياغىچى ئاق ۋە يۇمشاق. قەغەزچىلىك بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئائىلە سايمانلىرىنى ياساش قاتارلىقلاردا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. چىۋىقلىرىدا سېۋەت توقۇشقا بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

يېرىلما

  • يېرىلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېرىلغان، بۆلۈنگەن، پارچىلانغان:[مىسال:] يېرىلما بەلباغ.

يېرىلماق

  • يېرىلماق[يەشمىسى:] ① «يارماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۈستۈنكى پوست تېرىلىرى بۆلۈنۈپ-بۆلۈنۈپ، سەت، قوپال ھەم بىنورمال ھالەتكە كېلىپ قالماق، ساغلاملىقىنى يوقاتماق، سەتلەشمەك (لەۋ، قول قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ قوللىرى يېرىلىپ كەتكەنىدى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق غەزەپلەنمەك، ئاچچىقىغا ھاي بېرەلمەي قالماق، قاتتىق چېچىلماق، ئاچچىقلانماق:[مىسال:] رەھىم ئايالىنىڭ بۈگۈنكى ئورۇنسىز يېرىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەنىدى.

يېرىلغۇدەك بولماق

  • يېرىلغۇدەك بولماق[يەشمىسى:] ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەنمەك، قاتتىق غەزەپ ياكى ئەلەم-ھەسرەت دەستىدىن تۇرالماي، ئۆزىنى باسالماي قالماق.

يېرىم

  • يېرىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر نەرسىنىڭ ئىككىدىن بىرى، تەڭ ئىككىگە بۆلۈنگەندىكى بىر قىسمى:[مىسال:] ياماندىن ئاشقان يېرىم قوشۇق (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسى، ئوتتۇرا بېلى، ئوتتۇرا قىسمى:[مىسال:] سەن يېرىم يولدا چۈشۈپ قېلىپ، نەگە بارماقچى ئىدىڭ[يەشمىسى:] ③ تولۇق ئەمەس، كەم، چالا، يېتەرسىز، پۈتۈن ئەمەس:[مىسال:] لەيلىگۈل كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ، غىپپىدە ئارقىسىغا ياندى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەمكىن:[مىسال:] كۆڭلى يېرىم.

يېرىم جان

  • يېرىم جان[يەشمىسى:] نىمجان، زەئىپ، ماغدۇرسىز؛ چالا ئۆلۈك:[مىسال:] شاگىرت كىرسە، ئۇستىسى يېرىم جان بولۇپ، تاياق زەربىدىن تولغىنىپ ياتقۇدەك.

يېرىم دىدار

  • يېرىم دىدار[يەشمىسى:] يېرىم يەنى ۋاسىتىلىك كۆرۈشۈش:[مىسال:] خەت-يىرىم دىدار (ماقال).

يېرىم قورساق بولماق

  • يېرىم قورساق بولماق[يەشمىسى:] قورساقنى چالا-بۇلا تويغۇزماق.

يېرىم كېچە

  • يېرىم كېچە[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] كالېندار ھېسابىدا سوتكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى. يەنى تۈننىڭ دەسلەپكى نىسپى تۈگەپ، كېيىنكى نىسپى باشلانغان ۋاقىت. ئادەتتە كېچە سائەت 00:11دىن 00:1 گىچە بولغان ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

يېرىم ئۆتكۈزگۈچ

  • يېرىم ئۆتكۈزگۈچ[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئۆتكۈزگۈچ بىلەن ئىزولياتور ئارىلىقىدا بولغان ماددىلار. مەسىلەن، گېرمانىي، كرېمنىي، سېلېن ۋە نۇرغۇنلىغان ئوكسىد، سۇلفىد قاتارلىقلار. بۇ خىل ماددىلار بىر يۆنىلىشلىك توك ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دېتېكتور، توغرىلىغۇچ، تېرموقارشىلىق، فوتوقارشىلىق ۋە كرىستال لامپا قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ.

يېرىم يولدا

  • يېرىم يولدا[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-پائالىيەت ياكى ھەرىكەت جەريانىنىڭ يېرىمىدا، ئاخىرلاشماستىنلا، تۈگىمەستە، يەكۈنى چىقماستا:[مىسال:] يېرىم يولدا ئوقۇشنى تاشلاپ كەتسەك، سەت تۇرىدۇ.

يېرىملاتماق

  • يېرىملاتماق[يەشمىسى:] «يېرىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يېرىملاشتۇرماق

  • يېرىملاشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «يېرىملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② يېرىم ھالەتكە كەلتۈرمەك، يېرىم قىلماق:[مىسال:] بۇ يىغىلغان نەرسىلەرنى لەشكەر ۋە ئات-ئۇلاغلار بىر كۈن يەپ ئاران يېرىملاشتۇرۇپتۇ.

يېرىملاشتۇرۇلماق

  • يېرىملاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «يېرىملاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاخىرى ئامباردىكى سۇ يېرىملاشتۇرۇلدى.

يېرىملاشماق

  • يېرىملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېرىمى قالماق، يېرىم بولماق؛ يېرىمىغا ياكى ئوتتۇرىسىغا يەتمەك:[مىسال:] تۈن يېرىملاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ خەۋەر بولمىدى.

يېرىملىق

  • يېرىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تولۇق ئەمەسلىك، كەملىك، چالىلىق:[مىسال:] ئىشنىڭ يېرىملىقى.[يەشمىسى:] ② غەمكىنلىك:[مىسال:] كۆڭۈلنىڭ يېرىملىقى.

يېرىملىماق

  • يېرىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېرىملاشماق، يېرىمى قالماق ياكى يېرىم بولماق؛ يېرىمىغا، ئوتتۇرىسىغا يەتمەك:[مىسال:] ئامباردىكى سۇمۇ يېرىملاپ قالغانىدى.

يېرىم-يارتا

  • يېرىم-يارتا[يەشمىسى:] تولۇق، پۈتۈن ئەمەس، سىستېمىلىق مۇكەممەل ئەمەس:[مىسال:] ئۇلار ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن ئاڭلىۋالغان يېرىم-يارتا مەلۇماتى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى «يەر يۈزىدە بىرىنچى» ھېسابلايدۇ.

يېرىندى

  • يېرىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆتەكنىڭ يېرىلىپ، ئۇششاقلانغان پارچىسى:[مىسال:] پالتا زەربىدە كۆتەكتىن يېرىندىلار ئۇچۇپ چىقاتتى.

يېزا

  • يېزا[يەشمىسى:] ① ئاھالىسى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاي، مەھەللە، رايون؛ قىشلاق؛ سەھرا:[مىسال:] ئۇ خوتۇن بالا-چاقىلىرى بىلەن يېزىدا تۇرىدىكەن.[يەشمىسى:] ② مەملىكىتىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون بۆلۈنمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي ئورگىنى. ئادەتتە ناھىيە ياكى ناھىيە دەرىجىلىك ئورگاننىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا يەنە كەنتلەر بولىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى

  • يېزا ئىگىلىكى[كەسىپ تۈرى:]>ئىقتىساد<[يەشمىسى:] زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش ۋە مال چارۋىلارنى بېقىشتىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى. خەلق ئىگىلىكىدە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق شۇنداقلا يېزا قوشۇمچە كەسىپلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېزا-بازار

  • يېزا-بازار[يەشمىسى:] يېزا ۋە بازار دەرىجىلىك ئورۇنلار:[مىسال:] يېزا-بازار كارخانىسى.

يېزا-بازار كارخانىسى

  • يېزا-بازار كارخانىسى[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىز يېزىلىرىدىكى يېزا، كەنت، بازارلار قۇرغان كارخانا ھەمدە دېھقانلار بىرلىشىپ ياكى باشقا شەكىللەردە قۇرغان ھەمكارلىق كارخانىلىرى ۋە يەككە كارخانىلار.

يېزا-قىشلاق

  • يېزا-قىشلاق[يەشمىسى:] يېزا ۋە قىشلاق، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جايلار.

يېزا-كەنت

  • يېزا-كەنت[يەشمىسى:] يېزا ۋە كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلار.

يېزنە

  • يېزنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاچىسىنىڭ ئېرى ياكى ئېرىنىڭ ئاكىسى.

يېزىخو

  • يېزىخو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «يېزىخو ئەمىنى»غا قاراڭ.

يېزىخو ئەمىنى

  • يېزىخو ئەمىنى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەززىلىك پۇرايدۇ. ئېگىزلىكى 20 - 45 سانتىمېتىر، بىر قانچە شېخى سىڭاريان ئۆسىدۇ، غولىنىڭ رەڭگى سۆسۈن ياكى ئازراق يېشىل، سىرتىنى ئاق تۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى پەيسىمان تولۇق يېرىلىپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەر ياندۇرۇش، تاماق ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار.

يېزىداش

  • يېزىداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر يېزىلىق، بىر يېزىدا بىللە ھايات كەچۈرگەن كىشى.

يېزىشماق

  • يېزىشماق[يەشمىسى:] «يازماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېزىق

  • يېزىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىلنى (سۆزلىگەن گەپ-سۆزنى) خاتىرىلەيدىغان شەرتلىك بەلگە:[مىسال:] ئۇيغۇر يېزىقى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەت، پوچېركا، قەلەم ئىزى:[مىسال:] بىزنىڭ ئارىمىزدا ئابلىز ئاكامنىڭ يېزىقى چىرايلىق ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەخسۇس خەت-پەت، ماقالە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، قەلەم بىلەن ئىشلەيدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەشتە ئىشلىتىلىدىغان:[مىسال:] يېزىق ئۈستىلى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماقالە، ئومۇمەن مەخسۇس يېزىپ تەييارلانغان تۈرلۈك ئەسەرلەر:[مىسال:] يېزىق تىلى.

يېزىقچىلىق

  • يېزىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەر خىل شەكىلدىكى ئەدەبىي ئەسەر يېزىش ئىشى، تۈرلۈك يازما ئەسەرلەرنى يېزىش كەسپى:[مىسال:] يېزىقچىلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مائار<[يەشمىسى:] مەخسۇس تۈرلۈك يازما ھۆججەت، ماتېرىيال، دوكلات ۋە تۈرلۈك ئەسەرلەنى يېزىشنى تەتقىق قىلىدىغان ھەم ئۇنى ئۆگىتىدىغان ئىلىم:[مىسال:] يېزىقچىلىق دەرسى.

يېزىقسىز

  • يېزىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېزىقى يوق، يېزىق قوللىنىلمىغان:[مىسال:] نەتىجىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقسىز ۋاقىت كالېندارى (يۇلتۇز كالېندارى) پەيدا بولدى.[يەشمىسى:] ② خاتىرىلەنمىگەن، يېزىلمىغان، يازما شەكىلدە يېزىپ پۈتۈلمىگەن.

يېزىقشۇناس

  • يېزىقشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] يېزىقنىڭ خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس.

يېزىقشۇناسلىق

  • يېزىقشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. يېزىقنىڭ خاراكتېرى، قۇرۇلمىسى، ئۆزگىرىشى ھەم تەرەققىي قىلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.

يېزىقلىق

  • يېزىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېزىقى بار، ئۆز تىلىنى خاتىرىلەيدىغان خاس شەرتلىك بەلگىلىرى - ھەرپلەر سىستېمىسى بار بولغان، شۇنىڭغا ئىگە:[مىسال:] تۈركىي خەلقلەر مىلادىيىدىن خېلى كۆپ ئەسىر ئىلگىرىلا يېزىق بىلەن ئۆز تىلىنى خاتىرىلەشنى بىلىپ، دۇنيادىكى يېزىقلىق قەدىمكى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.[يەشمىسى:] ② خاتىرىلەكلىك، يېزىلغان، پۈتۈلگەن، خاتىرىلەنگەن:[مىسال:] ئۇ تىزىملىكتە مېنىڭ ئىسمىممۇ يېزىقلىق ئىكەن.

يېزىلماق

  • يېزىلماق[يەشمىسى:] «يازماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] رەيھاننىڭ مۇنۇ بىرپارچە خېتى 1964-يىلى يېزىلىپتۇ.

يېزىلىق

  • يېزىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يېزىدا، سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، يېزىنى ماكان تۇتقان؛ يېزىدا ئۇزاق تۇرغان ياكى يېزىدا چوڭ بولغان:[مىسال:] — ئۇ ھېلىقى يېزىلىق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپلا قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى.[يەشمىسى:] ② يېزىغا تەۋە، يېزا دائىرسىدىكى ياكى يېزا باشقۇرۇشىدىكى؛ يېزا دەرىجىلىك:[مىسال:] يېزىلىق ئۇن پونكىتى. يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى.

يېسسى

  • يېسسى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياپىلاق، يالپاق:[مىسال:] يېسسى پۇرچاق.

يېسسىلاتماق

  • يېسسىلاتماق[يەشمىسى:] «يېسسىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يېسسىلاشماق

  • يېسسىلاشماق[يەشمىسى:] «يېسسىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېسسىلانماق

  • يېسسىلانماق[يەشمىسى:] «يېسسىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يېسسىلىماق

  • يېسسىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېسسى ھالەتكە كەلتۈرمەك، يالپاقدىماق، ياپىلاقلىماق:[مىسال:] ئۇ پولات يېسسىلاش زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ.

يېسسىمۇق

  • يېسسىمۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]يېسسى+مۇخ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىممان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ياماشقۇچى غول. يۇمران چوكا مېۋىسى ئادەتتىكى كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇقى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تالنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ چوكا مېۋىسى ياكى ئۇرۇقى.

يېسقاق

  • يېسقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇن كېنىنىڭ شېغىل قەۋەتتىن كېيىنكى ئۇيۇل تاش قىسمى.

يېسىر

  • يېسىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئېرى ئۆلگەن، ئېرىدىن ئايرىلغان، تۇل.

يېشىرقىماق

  • يېشىرقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈنۈمسىزلەشمەك، قۇۋۋەتسىزلەشمەك، قۇۋۋىتى يوقالماق (تېرىلغۇ يەر ھەققىدە).

يېشىشمەك

  • يېشىشمەك[يەشمىسى:] «يەشمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېشىل

  • يېشىل[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] كۆك بىلەن سېرىقنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدىغان ۋە ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدىغان ئارا رەڭ. دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 500 - 530 مىللىمىكروم بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ خىل رەڭگە ئىگە، شۇ خىل رەڭدە بويالغان ياكى شۇ خىل رەڭ بېرىلگەن:[مىسال:] يېشىل ياغلىق.

يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەك

  • يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا، بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەك، يول قويماق.

يېشىل ئوغۇت

  • يېشىل ئوغۇت[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمران غول-يوپۇرماقلىرىنى يەرگە كۆمۈپ ئېچىش ئارقىلىق ياسالغان ئوغۇت.

يېشىلچىلىق

  • يېشىلچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياپيېشىل بولۇپ كەتكەن مەنزىرە، ياپيېشىل كۆكىرىپ كەتكەن دەرەخلىك ياكى چۆپلۈك:[مىسال:] سايىم ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، قولىدىكى تاماكىسىنى سىلكىپ تاشلىۋىدى، يېشىلچىلىق ئارىسىغا مۆكۈنۈپ ياتقان قېرى چېكەتكىمۇ سەكرەپ قاچتى.

يېشىلقات

  • يېشىلقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يېشىل+قات[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاشيارغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكىللىك، گۈلى سارغۇچ يېشىل، شىرنىلىك مېۋىسى كۆك بولىدۇ. يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ. بەزگەكنى داۋالاش رولىغا ئىگە. دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبى، ھىندىستان، فىلىپپىن قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ.

يېشىللىق

  • يېشىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېشىل كۆرۈنۇش، يېشىل ھالەت:[مىسال:] - نېمە دەيسىز، كۆزىڭىز ئۇنىڭ يېشىللىقىنى سېزەلمەيۋاتامدۇ يا[يەشمىسى:] ② ياپيېشىل كۆكلەپ كەتكەن ئوت-چۆپ، دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن ھالەت، شۇنداق مەنزىرە؛ ئوت-چۆپلۈك، دەل-دەرەخلىك:[مىسال:] يېشىللىق زېمىننىڭ ئىكەن زىننىتى، ئاڭا گۈل قېتىلسا ئاشار قىممىتى، ئىنساننىڭ قىممىتى ئىكەن ياشلىقى ۋە لېكىن بىلىمدۇر ئىززەت-ھۆرمىتى.

يېشىلمەك

  • يېشىلمەك[يەشمىسى:] «يەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخى يېشىلمىگەن سىرنىڭ بارلىقىدىن قاسىمنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى.

يېشىم

  • يېشىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى زىددىيەت-توقۇنۇشنىڭ ھەل قىلىنىشى. سۇژىت راۋاجلىنىپ يېشىم باسقۇچىغا بارغاندا، پېرسوناژلار ھەم ۋەقەلەردىن بەلگىلىك نەتىجە چىقىرىلىدۇ، باش تېما پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ ۋە سۇژىتمۇ يېشىم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئالگېبرالىق تەڭلىمىدىكى نامەلۇمنىڭ قىممىتى.

يېشىن

  • يېشىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاقماق.

يېشىنمەك

  • يېشىنمەك[يەشمىسى:] «يەشمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تەڭلا يېشىنىپ سۇغا سەكرەشتى.

يېغىر

  • يېغىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان يىرىڭلىق يارا، جاراھەت:[مىسال:] ئات ئورۇق بولسىمۇ يېغىر بولمىسۇن، گۆش سۆڭەڭ بولسىمۇ بېغىر بولمىسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئادەم بەدىنىگە چىققان ھەر خىل يارا، جاراھەت:[مىسال:] يا بىر نۆۋەت ئاپتوبۇستا قايتقانغا بىرەر يېرى يېغىر بولۇپ قالامدۇ؟

يېغىرىغا تەگمەك

  • يېغىرىغا تەگمەك[يەشمىسى:] زىتىغا تەگمەك، ئەيىب-نۇقسانلىرىنى، خۇدۈكلىنىدىغان ئاجىز يېرىنى ئاچماق، چىشىغا تەگمەك.

يېغىرىغا تۇز سەپمەك

  • يېغىرىغا تۇز سەپمەك[يەشمىسى:] غەزەپ-نەپرىتىنى يەنىمۇ ئۆرلەتمەك، دەرد-ئەلىمىنى كۈچەيتمەك:[مىسال:] بارات مەزىننىڭ يېغىرىغا تۇز سېپىدىغان ئىشلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى.

يېغىرىنى ياپماق

  • يېغىرىنى ياپماق[يەشمىسى:] دەرد-ئەلىمىنى، ھەسرىتىنى ياكى ئەيىب-نۇقسانلىرىنى يوشۇرماق.

يېغىردان

  • يېغىردان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېغىر، جاراھەت قاپلاپ كەتكەن، بەدىنىنى يارا بېسىپ كەتكەن، جاراھەتلىرى كۆپ.

يېغىلاشماق

  • يېغىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاتتىق جېدەللەشمەك، ئۇرۇش-غوۋغا قىلىشماق:[مىسال:] بۇ ئىش سەۋەبلىك ئىككى قوشنا قاتتىق يېغىلاشتى.

يېغىلىق

  • يېغىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بالا-قازا، جەڭگى-جېدەل قاپلىغان، ئاپەتلىك:[مىسال:] يېغىلىق كۈندە يات ياخشى (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەڭگى-جېدەل، قوزغىلاڭ:[مىسال:] كىچىكىمدە بىزنىڭ ئاۋاتتا ھادى خەنجەر يېغىلىقى، مويدۇن پالۋان يېغىلىقى دېگەن ئۇرۇشلار بولۇپ ئۆتكەن.

يېغىن

  • يېغىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرادىن يەر يۈزىگە قاتتىق جىسىم ياكى سۇيۇق جىسىم ھالىتىدە چۈشىدىغان سۇ. ئاساسلىق شەكىللىرى يامغۇر بىلەن قار.

يېغىن-يېشىن

  • يېغىن-يېشىن[يەشمىسى:] ھۆل-يېغىن، قار-يامغۇر ۋەچېقىن قاتارلىقلار:[مىسال:] بۇ يىل يېغىن-يېشىن كۆپ بولدى.

يېقىشلىق

  • يېقىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىگە ياقىدىغان، زوق بېغىشلايدىغان، ھۇزۇر بېرىدىغان، يېقىملىق:[مىسال:] بۇلبۇل كۈيى ئاڭلانغاندەك شۇنچە گۈزەل-يېقىملىق، سۆز-ئىبارەڭ بولسۇن شۇنداق ۋەزنى بار ھەم يېقىشلىق.

يېقىشماق

  • يېقىشماق[يەشمىسى:] «ياقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار يوللارغا گۈلخان يېقىشىپ ئاتلىشىپ ئوينايتتى.

يېقىقلىق

  • يېقىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىلغان، يېقىپ قويۇلغان، ياندۇرۇلغان:[مىسال:] ئۇ يەردە يېقىقلىق شاممۇ بار ئىدى.

يېقىلغۇ

  • يېقىلغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىدىغان ماددىلار، ھالىتىگە ئاساسەن قاتتىق يېقىلغۇ (كۆمۈر، ياغاچ كۆمۈرى ۋە ياغاچ)، سۇيۇق يېقىلغۇ (بېنزىن، كىرسىن)، گاز يېقىلغۇ (كۆمۈر گازى، مېتان) دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. يەنە يادرو ئېنېرگىيىسى پەيدا قىلىدىغان ماددىلاردىن ئۇران، پلۇتونىي قاتارلىقلارمۇ بار.

يېقىلغۇلۇق

  • يېقىلغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىلغۇسى بار ياكى يېقىلغۇ قاچىلانغان، يېقىلغۇ قىلىشقا بولىدىغان:[مىسال:] بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىدا قاتتىق يېقىلغۇلۇق راكېتا ئىتتىرگۈچى قوللىنىلغان.

يېقىلماق

  • يېقىلماق[يەشمىسى:] «ياقماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككىسى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە چىراغ يېقىلدى.

يېقىم

  • يېقىم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] بىر قېتىملا كۆيدۈرۈشكە بولىدىغان، ئوچاققا بىر قېتىملا سالغىلى بولىدىغان ئوتۇن-ياغاچ مىقدارى:[مىسال:] بىر يېقىم ئوتۇن. بىر يېقىم كۆمۈر.

يېقىمسىز

  • يېقىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى بىزار قىلىدىغان، سەسكەندۈرىدىغان؛ كۆڭۈلسىز، سوغۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا غوپۇرئاخۇننىڭ يېقىمسىز تەلەتى كەلدى.

يېقىمسىزلىق

  • يېقىمسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭۈلگە ياقماسلىق، سەسكەندۈرۈش؛ بىمەنىلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۈلكىسىنىڭ يېقىمسىزلىقى تولىمۇ زىتىمغا تەگكەنىدى، شۇڭا چىقىپ كەتتىم.

يېقىملىق

  • يېقىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان، زوقىنى كەلتۈرىدىغان، مېھرى ئىسسىق؛ چىقىشقاق، خۇشخۇي، ئوچۇق چىراي: مەن گۈلپىيەنىڭ بۇنچىلىك يېقىملىق چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن[يەشمىسى:] ② قۇلاققا يېقىشلىق، تاتلىق، مۇڭلۇق ھەم تەسىرلىك؛ كىشىگە ھۇزۇر، زوق بېغىشلايدىغان (تۈرلۈك ئاۋازلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېقىملىق نەي ئاۋازى ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ③ سالقىن، ساپ، كىشىگە ھۇزۇر-ھالاۋەت، راھەت بەخش ئېتىدىغان (ھاۋا، شامال قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] سەھەرنىڭ يېقىملىق ھاۋاسى كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى...

يېقىن

  • يېقىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئارىسى يىراق ئەمەس، ئارىلىقى قىسقا، بىر-بىرى بىلەن ئازراقلا ئارىلىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] جەينەك يېقىن بولسىمۇ چىشلىگىلى بولماس ([مىسال:] ماقال). ∥ ئېشەك ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن ئال (ماقال).[يەشمىسى:] ② مەلۇم ۋاقىتنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغان، ۋاقىت پەرقى ئۇزۇن بولمىغان:[مىسال:] ئۇ چۈشكە يېقىن شەھەرگە يېتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ياخشى، ئالاقىسى قويوق، بىر-بىرىگە كۆيۈنىشىدىغان، مېھرىبان:[مىسال:] ئۇلار ئەنۋەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى قىلىشىۋالدى. ∥ مېنىڭ سېنىڭدىن باشقا يېقىنىم يوق، مەن ساڭىلا ئىشىنىمەن.[يەشمىسى:] ④ بېرىش كېلىشتە كەلگەن مىقدارلارغا ۋە ئايرىم سۆزلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ، تەخمىن، پەرەز مەنىسىدە شۇ مىقدار ياكى شۇ ئەھۋالغا تەڭ دېگۈدەك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۇ كۈنى مىڭغا يېقىن دۈشمەن چېرىكى ئۇشتۇمتۇت باستۇرۇپ كەلدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپ پەرقى يوق، ئاساسەن ئوخشاش، ئومۇمەن بىر خىل، باشقىچە ئەمەس:[مىسال:] ئۇلارنىڭ پىكرى بىر-بىرىگە يېقىن.

يېقىن ئارىدا

  • يېقىن ئارىدا[يەشمىسى:] ① شۇ جايدىن يىراق بولمىغان جايدا، شۇ جايغا يېقىن يەردە، شۇ ئەتراپتا:[مىسال:] مەن ئاتنى يېقىن ئارىدىكى بىر قورۇغا ئەكىرىپ قويغاندىن كېيىن، بىز بىللە پىيادە ماڭدۇق.[يەشمىسى:] ② ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمىگەن مەزگىل ئىچىدە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، پات ئارىدا:[مىسال:] ئۇ يېقىن ئارىدا ئۈرۈمچىگە كەلمەكچى ئىكەن.

يېقىن كەلتۈرمەسلىك

  • يېقىن كەلتۈرمەسلىك[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-پائالىيەتكە قەتئىيلا ئارىلاشتۇرماسلىق، ھەرگىز يولاتماسلىق، ئارىلىشىشنى قەتئىي توسۇش.

يېقىن يولىماسلىق

  • يېقىن يولىماسلىق[يەشمىسى:] قەتئىي ئارىلاشماسلىق، ھېچقانداق ئالاقە ياكى دوستانە مۇناسىۋەتتە بولماسلىق.

يېقىنچىلىق

  • يېقىنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «يېقىنلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئەزىزخان ھەيران بولدى، ئۇ قوشنىسىدىن تۇيۇقسىزلا يېقىنچىلىق سەزدى.

يېقىندا

  • يېقىندا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① شۇ جايدىن ئۇزاق بولمىغان جايدا، شۇ ئەتراپتا:[مىسال:] يېقىندا ماگىزىن بارمۇ، قىزىم، دەپ سورىدى بوۋاي.[يەشمىسى:] ② پات ئارىدا، يېقىن ئارىدا، ئۇزۇن بولمىغان مەزگىل ئىچىدە.

يېقىندىن

  • يېقىندىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن سەل ئىلگىرى، سەل بۇرۇنقى مەزگىلدىن، تېخى ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتتىن:[مىسال:] يېقىندىن بۇيان. يېقىندىن بېرى.[يەشمىسى:] ② بىۋاسىتە ھالدا؛ سەمىمىيلىك بىلەن، چىن ساداقەت بىلەن، ھەقىقىي كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق تۇيغۇسى بىلەن:[مىسال:] يېقىندىن ياردەملەشمەك. يېقىندىن ھەمكارلاشماق.[يەشمىسى:] ③ ئىزچىل تۈردە، بىۋاسىتە ھالدا، يېنىدا تۇرۇپ، داۋاملىق كۆز تىكىپ:[مىسال:] بىز ئۇنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، بىراق ھازىرغىچە ھېچقانداق باشقا غەيرىي ئەھۋاللارنى سەزمىدۇق.

يېقىنسىنماق

  • يېقىنسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېقىن كۆرمەك، يېقىن ھېس قىلماق:[مىسال:] ھىلھىلە ياغلىق چەگكەن كىچىك قىزچاق، يېقىنسىنىپ شوپۇرغا گەپ باشلىدى.

يېقىنقى

  • يېقىنقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇنىڭدىن ئازراق بۇرۇنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن ياكى بولۇپ ئۆتكەن، يۈز بەرگەن؛ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولمىغان:[مىسال:] يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئۇنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

يېقىنلاتماق

  • يېقىنلاتماق[يەشمىسى:] «يېقىنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بېشىنى غوجىغا سەل يېقىنلىتىپ، غوجىنىڭ قۇلىقىغا بىرنېمىلەرنى پىچىرلىدى.

يېقىنلاشتۇرماق

  • يېقىنلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «يېقىنلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قولۋاقنى قىرغاققا يېقىنلاشتۇرۇپ، يەنە شۇ سۆگەتنىڭ تۈۋىدە توختاتتى.

يېقىنلاشماق

  • يېقىنلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ يېنىغا يېقىن بارماق، يېقىن كەلمەك، ئالدىغا ياكى يېنىغا يېقىنلاپ كەلمەك:[مىسال:] - ئۇ خالتىنى سۆرەپ غۇلامغا يېقىنلاشتى.[مىسال:] [يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر ۋاقىتقا، مەزگىلگە يېتىشكە ئاز قالماق، ۋاقىت جەھەتتىن يېقىن كەلمەك، ئاز ۋاقىت قالماق:[مىسال:] ۋاقىت چۈشكە يېقىنلىشىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ③ مىقدارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، شۇ مىقدارغا تەڭ بولۇشقا، ئۇنىڭغا يېتىشكە ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئانار بىلەن توي قىلىۋالغىنىغا يېرىم يىلغا يېقىنلاشتى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ئىشنى بېجىرىشكە، مۇرەسسە قىلىشقا ئاز قالماق؛ پىكىر-مەقسەت، كۆزقاراش جەھەتتە بىر يەرگە كېلىشكە ئاز قالماق:[مىسال:] بۇ مۇھىم نۇقتىلاردا ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش يوللىرى تولىمۇ يېقىنلاشقانىدى.[يەشمىسى:] ⑤ دوستانە مۇناسىۋەتتە بولماق، قويۇق ئالاقە قىلىشىپ تۇرماق، دوستلاشماق، سىرداشلاردىن بولماق:[مىسال:] ئۇلار بىر ئۆرۈلۈپلا ھەنىپەمنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن يېقىنلاشتى ۋە ھەنىپەمنى ماڭا تونۇشتۇردى.

يېقىنلىق

  • يېقىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېقىن بولۇش، يېقىن بولغان ھالەت:[مىسال:] بازارنىڭ يېقىنلىقى. مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىقى.[يەشمىسى:] ② دوستانە مۇئامىلە، دوستلۇق:[مىسال:] يېقىنلىق قىلماق. يېقىنلىق دەرىجىسى.

يېقىنلىماق

  • يېقىنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى نەرسىگە يېقىن بارماق، بىرەر نىشانغا يېقىن كەلمەك، يېتىشكە، تېگىشكە ئازلا ئارىلىق قالماق:[مىسال:] قەشقەرگە يېقىنلاپ قالدۇق.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ۋاقىتقا يېتىشكە ياكى مەلۇم ئىش-پائالىيەتنىڭ بېجىرىلىش، يۈز بېرىش ۋاقتىغا ئاز قالماق:[مىسال:] ۋاقىت چۈشكە يېقىنلاپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ③ مىقدارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن بىللە كېلىپ، مەلۇم مىقدارنىڭ شۇ مىقدارغا تەڭ بولۇشقا ياكى يېتىشكە ئازلا قالغانلىقىنى ياكى ئاساسەن تەڭلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ تاشۋاي 20 ياشقا يېقىنلاپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ مەلۇم ئالاھىدىلىكى بىلەن مەلۇم بىرنەرسىگە ئوخشاپ قالماق ياكى شۇ نەرسىگە يېقىن شەكىلگە ئىگە بولماق، ئوخشىماق، بىردەك بولماق:[مىسال:] بىز بۇ تاملارغا سىزىلغان سۈرەتلەردىن پىپا دەستىسىنىڭ بارغانسېرى ئۇزىراپ تەمبۈرگە يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

يېقىن-يورۇق

  • يېقىن-يورۇق[يەشمىسى:] ئومۇمەن ئۇرۇق-تۇغقان، ئەتراپتىكى ئوبدان ئۆتۈشكەن قولۇم-قوشنا ۋە دوست-يارەنلەرنىڭ ھەممىسى:[مىسال:] بارا-بارا دادامنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى كۆپىيىپ قالدى.

يېقىن-يىراق

  • يېقىن-يىراق[يەشمىسى:] يېقىن ۋە يىراق، ئومۇمەن ھەممە ئەتراپ، ھەممە يەر:[مىسال:] پارتىزانلار قوشۇنىغا تەرەپ-تەرەپتىن، يېقىن-يىراقلاردىن كىشىلەر كېلىپ قوشۇلۇشقا باشلىدى.

يېكەن

  • يېكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① يېكەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. سۇدا ئۆسىدۇ. ئانىلىق گۈللىرى زىچ توپلىشىپ ئۆسۈپ شام شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ، پىشقاندا توزغاق چىقىرىدۇ. يوپۇرمىقىدىن يەلپۈگۈچ، بورا قاتارلىقلارنى توقۇشقا بولىدۇ. گۈل چېڭى قان توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ياكى غولى.

يېكەندە بۇرۇت ئالىدىغان

  • يېكەندە بۇرۇت ئالىدىغان[يەشمىسى:] ناھايىتى ھىيلىگەر، قۇۋ؛ ساختىپەز، بىر ئىشلارنى ئالداپ-سالداپ ئەپلەشتۈرىدىغان.

يېكەنتوخۇسى

  • يېكەنتوخۇسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يېكەن+توخۇ+سى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تەن شەكلى توخۇغا سەل ئوخشاپ كېتىدۇ. تۇمشۇقى سەل ئۇزۇن، قۇيرۇقى قىسقا دۈمبىسى كۈل رەڭ قوڭۇر ۋە سەپكۈنلۈك كېلىدۇ. قانىتى قارامتۇل قوڭۇر، پۇتلىرى قىزغۇچ قوڭۇر بولىدۇ. سازلىق ۋە سۇلۇق ئېتىزلار يېنىدىكى چۆپلۈكلەردە ياشايدۇ. سۇ ئۈزەلەيدۇ.

يېكەنچار

  • يېكەنچار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يېكەن+چار[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. ئۈستىدە قارا داغلىرى بار، بېشى لوخۇ بېلىققا قارىغاندا سەل كىچىك كېلىدۇ. ئەڭ يوغانلىرى 5 6 كىلوگرام كېلىدۇ.

يېكەنداز

  • يېكەنداز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاستىغا سېلىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتىكى كۆرپىلەردىن ئۇزۇن قىلىپ، چۆرىسىگە زىغزىق تۇتۇپ تىكىلىدىغان كۆرپە.

يېكەنسۈندۈكى

  • يېكەنسۈندۈكى[قۇرۇلمىسى:]]يېكەن+سۈندۈك+ى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، پەيلىرى قوڭۇر ۋە ئاق كېلىدۇ. يان تەرىپىدە ئېنىق قارا يوللىرى بولىدۇ. سۇ بويىدا ياشايدۇ. ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

يېكەنلىك

  • يېكەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېكەن كۆپ ئۆسكەن، يېكەن بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] يېكەنلىكتىن ئازراق يېكەن ئورۇپ كەلدىم.

يېگانە

  • يېگانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تەنھا، يالغۇز، مۇڭداشقۇدەك ياكى ھەمكارلاشقۇدەك ھېچكىم، ھېچنېمىسى يوق، بىر:[مىسال:] ئۇ يېگانە ئۆزى بىمارغا قاراپ ئولتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە، ھېچكىم ياكى ھېچ نەرسە تەڭ كېلەلمەيدىغان، ھەممىدىن ئېسىل دەرىجىدە، بىرلا:[مىسال:] شاھنىڭ بىرلا ئارزۇلۇق قىزى بار ئىكەن، ھۆسن-جامالدا يېگانە ئىكەن.

يېگانىلىك

  • يېگانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەككە، يىگانە ھالەت، يالغۇزلۇق:[مىسال:] ئۇ بىردىنلا يىگانىلىك ھېس قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى شۈركىنىپ كەتتى.

يېگەك

  • يېگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سەلب<[يەشمىسى:] جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتە نورمال ئەخلاق-قائىدىسىدىن چىقىپ كەتكەن بۇزۇق ئايال ياكى ئەر.

يېگەن-ئىچكەن

  • يېگەن-ئىچكەن[يەشمىسى:] ئومۇمەن يېيىلگەن، ئىچىلگەن، قورساق ئۈچۈن سەرپ بولغان، يېمەك-ئىچمەككە كەتكەن:[مىسال:] ئۇلار يېگەن-ئىچكەنلىرىنى، كىيگەنلىرىنى ھېسابلاپ كۆرۈۋىدى، توپتوغرا ئىككى مىڭ سوم بولدى.

يېگەن-ئىچكەندەك

  • يېگەن-ئىچكەندەك[يەشمىسى:] يېگەن-ئىچكىنى چىرايىغا چىققان، قاۋۇل ھەم مەزمۇت، سالاپەتلىك:[مىسال:] ئەخمەق، بۇ دېگەن چاقچاق، كۆرۈۋاتىسەنغۇ، يېگەن-ئىچكەندەك، سوقا-سەندەلدەك خوتۇن بۇ.

يېگۈزمەك

  • يېگۈزمەك[يەشمىسى:] «يېمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] — بولمايدۇ، — دېدى ئۇ رازىيەنى توسۇپ، — بۇ بالىغا ئۇنى يېگۈزسەك بولمايدۇ.

يېگۈسىز

  • يېگۈسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىگىلى بولمايدىغان، يېيىشكە كۆڭۈل تارتمايدىغان (تاماق ھەققىدە):[مىسال:] - ۋىيەي، — دېدى قاراپ تۇرغانلاردىن بىرى، — پاسكىنا چۆمۈچنى تىقىپ بۇ ئاشنى يېگۈسىز قىلىۋەتتىغۇ

يېگۈلۈك

  • يېگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەيدىغان نەرسە، قورساق تويغۇدەك نەرسە، يېمەكلىك:[مىسال:] — ئەي ئاشىق، — دەپتۇ مەلىكە، - يەيدىغان نەرسىلەر تۈگىدى، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يېگۈلۈك تېپىپ كېلىڭ.

يېڭى

  • يېڭى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ ئىشلىتىلمىگەن، تۇتۇلمىغان؛ يېقىندا ياسالغان، تىكىلگەن ياكى توقۇلغان:[مىسال:] يېڭى قازان. يېڭى پىچاق. يېڭى ئىشىك. يېڭى كىيىم. يېڭى گىلەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىندا پەيدا بولغان، ياسالغان ياكى ئىلگىرىكىلىرىگە نىسبەتەن كېيىنرەك ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەم ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان:[مىسال:] يېڭى يول. يېڭى ئۆي. يېڭى دۇكان. يېڭى زاۋۇت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىندا ئىجاد قىلىنغان، يېقىندا ئىشلەنگەن ياكى جامائەتكە تېخى يېقىندىلا مەلۇم بولغان:[مىسال:] يېڭى كىتاب. يېڭى دورا. يېڭى كۈي. يېڭى كەشپىيات.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلگىرىكىدىن باشقا، ئىلگىرىكىسىگە ئوخشىمايدىغان، پۈتۈنلەي باشقا؛ ئالاھىدە، باشقىچە:[مىسال:] ئۇ ھەمىشە، دېگۈدەك يېڭى پىكىرلىك ياخشى شېئىرلارنى يېزىپ كېلىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىندا بەلگىلەنگەن، يېقىندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ياكى يېقىندىن بېرى يولغا قويۇلۇۋاتقان، يېقىندا ئىجرا قىلىنىدىغان (تۈرلۈك چارە-تەدبىر، قائىدە-نىزاملار ھەققىدە):[مىسال:] يېڭى تەرتىپ. يېڭى قائىدە. يېڭى قانۇن. يېڭى چارە. يېڭى نىزام.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلگىرىكى كىشىنىڭ ئورنىغا چىققان ياكى يېقىندا كەلگەن، كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان:[مىسال:] يېڭى ھاكىم. يېڭى باشلىق. يېڭى ئوقۇغۇچى. يېڭى ئەسكەر.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىندا ئىش باشلىغان، تەجرىبىسىز، خام، ئۆگەنچى:[مىسال:] يېڭى شوپۇر. يېڭى تېخنىك. يېڭى دوختۇر.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ يىلى ياكى شۇ مەۋسۇمدە يېتىشكەن، شۇ يىلقى، ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە يېتىلگەن؛ بۇزۇلمىغان، سۈپىتى، تەمى ياخشى، تەم-قوۋۋىتى تولۇق ساقلانغان؛ تازا، پاكىز (تۈرلۈك ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە يېمەكلىكلەر ھەققىدە):[مىسال:] يېڭى پاقلاننىڭ گۆشى. يېڭى ئۆرۈك. يېڭى تال. يېڭى سەي. يېڭى ئالما.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان، ئالدىمىزدىكى، نۆۋەتتىكى (ۋاقىت ھەققىدە):[مىسال:] يېڭى يىل. يېڭى ئەسىر. يېڭى ئاي. يېڭى ھەپتە.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناتونۇش، بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان، ئەمدىلا تۇنجى كۆرۈنۈۋاتقان:[مىسال:] بۇ مەھەللە مەن ئۈچۈن يېڭى.[يەشمىسى:] 11 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىن ئۆتمۈشتە ياكى ھازىرقى دەۋر، ھازىرقى زامانغا ئائىت، شۇ دەۋرگە مەنسۇپ:[مىسال:] يېڭى مەدەنىيەت. يېڭى تارىخ. يېڭى دېھقانچىلىق.[يەشمىسى:] 21 [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يېقىندا، ئۇزاق ئۆتمىگەن ۋاقىتتا ياكى ھازىرلا:[مىسال:] رەپىق ئاكا يېڭى ياساتقان بۇرۇتىنى مەمنۇنىيەت بىلەن سىلاپ قويدى.[يەشمىسى:] 31 [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قايتىدىن، يېڭىۋاشتىن:[مىسال:] مەن ئەمدى ئىشنى يېڭىدىن باشلاپ كۆرەي، — دېدى ئۇمۇ بوش كەلمەي.

يېڭى ئاي

  • يېڭى ئاي[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ① ھىجرىيە، قەمەرىيە ۋە مىلادىيە كالېندارىدىكى ئاي بېشى كۈنى. [يەشمىسى:] ② شۇ كۈنى كېچىسى كۆرۈنگەن ئاي، ھىلال ئاي.

يېڭى بەت

  • يېڭى بەت[يەشمىسى:] بىرەر تارىخىي دەۋر ياكى شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرى، سەھىپىسى:[مىسال:] يېڭى بەت ئاچماق.

يېڭى پەدە

  • يېڭى پەدە[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ناخشا-مۇزىكىلار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭىچە ئۇسۇل، ئامال-چارە:[مىسال:] يېڭى پەدىدە ئىش قىلماق.

يېڭى ھايات ئېراسى

  • يېڭى ھايات ئېراسى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيىلىك يىلنامىنىڭ 5-ئېراسى، 67 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملاشقان. بۇ ئېرا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى دەۋر دەپ ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئورگانىزملار ھازىرقى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سۈت ئەمگۈچىلەر ئەۋج ئالغان ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى باسقۇچتا ئادەم ئەجدادلىرى پەيدا بولغان. ئۆسۈملۈكلەردىن يېيىق ئۇرۇقلۇقلار ئاساس قىلىنغان. دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى يەر قاتلاملىرى ئاساسەن قۇرۇقلۇق تۈسىدىكى چۆكمىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن يەر پوستى ھەرىكىتى ھىمالايا ھەرىكىتى دېيىلىدۇ. شەرتلىك بەلگىسى K.

يېڭىچە

  • يېڭىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا، يېڭى ئۇسۇلدا، يېڭى تەرتىپتە، يېڭى رەۋىشتە:[مىسال:] شۇنداق، ئەمدى ھەممىنى پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىشلەيدىغان گەپ. ئۇنىڭ يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بولغان ئىشتىياقى بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى.

يېڭىدىن

  • يېڭىدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قايتىدىن، قايتا باشتىن، باشقىدىن:[مىسال:] ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنى يېڭىدىن باشلىماقچى.

يېڭىدىن-يېڭى

  • يېڭىدىن-يېڭى[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن، يېڭى، ئەڭ يېڭى:[مىسال:] ئۇ ئۆزىمۇ بۇنداق يېڭىدىن-يېڭى خەۋەرلەردىن بىرئاز ۋەھىمىگە چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى.

يىڭىراقتا

  • يىڭىراقتا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەستە، تېخى يېقىندىلا، ھېلىلا:[مىسال:] يېڭىراقتا ئىككى ئوغۇللىرى كېلىپ بېشى بىلەن قانىتىنى يەپ كەتتى، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ قۇل.

يېڭىشمەك

  • يېڭىشمەك[يەشمىسى:] «يەڭمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھەممىسى ئۆز دۈشمەنلىرىنى يېڭىشىپ، غالىب ئاتالغانلاردۇر.

يېڭىلاتماق

  • يېڭىلاتماق[يەشمىسى:] «يېڭىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يېڭىلاشماق

  • يېڭىلاشماق[يەشمىسى:] «يېڭىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېڭىلانماق

  • يېڭىلانماق[يەشمىسى:] ① «يېڭىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شىرە ئۈستىدىكى سەي-زاكۇسكىلار يېڭىلاندى.[يەشمىسى:] ② «يېڭىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەللىك يىلدا ئەل يېڭىلىنار، يۈز يىلدا قازان (ماقال).

يېڭىلتەك

  • يېڭىلتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇقىم مەيدان، ئېتىقادى يوق، تۇتۇرۇقسىز، تۇتامى يوق، تايىنى يوق:[مىسال:] ئېيتىڭا ئەزىزىخان، سىلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلى شۇنداق يېڭىلتەك بولامدۇ

يېڭىلماق

  • يېڭىلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خاتا قىلماق، ئازماق.

يېڭىلمەس

  • يېڭىلمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەتئىي يېڭىلمەيدىغان، ھېچقانداق توسقۇنلارغا توسۇلمايدىغان؛ غالىب، ھەرقانداق ئىشتا غەلىبە قىلىدىغان:[مىسال:] يېڭىلمەس قوشۇن.

يېڭىلمەسلىك

  • يېڭىلمەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭىلمەيدىغان ئىرادە، غالىبلىق.

يېڭىلمەك

  • يېڭىلمەك[يەشمىسى:] «يەڭمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پادىشاھ لەشكەرلىرى يېڭىلىپ، ھەممە نەرسىلىرىنى تاشلاپ شەھەرگە قاچتى.

يېڭىلىشماق

  • يېڭىلىشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خاتالاشماق، سەۋەنلىك سادىر قىلماق، خاتالىق ئۆتكۈزمەك؛ خاتا قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭىلىشقانلىقىنى قىلچىمۇ سەزمىدى.

يېڭىلىق

  • يېڭىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېڭى ھالەت، يېڭى كۆرۈنۈش:[مىسال:] ئۇ خېنىم ھەدەپ كىيىملىرىنىڭ يېڭىلىقىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلگىرى بولمىغان، يېقىندا كۆرۈلگەن نەرسە ياكى ھادىسە، يېڭى ئەھۋال، يېڭى ھادىسە:[مىسال:] مەن مەركىزىي ئاشخانىغا بېرىپ قايتقۇچە كۈندە مىڭ خىل يېڭىلىقنى كۆرىدىغان بولدۇم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىندا ئاڭلانغان، يېڭى بولغان ھادىسىلەر ھەققىدىكى خەۋەر، ئۇچۇر، يېڭى خەۋەر، يېڭى مەلۇمات:[مىسال:] شاراپەت ئۇنىڭغا كۆپ يېڭىلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئەتىيازدا ھەممىدىن بالدۇر پىشىدىغان مېۋىلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پىشقان مېۋىسى، ئادەتتە ئاساسەن ئۈجمە قاتارلىق مېۋىلەرگە قارىتا ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] دادا، ساڭا يېڭىلىق ئەكىردىم، دېدى ئۇ قولىدا كۆتۈرۈۋالغان بەش دانە ئۈجمىنى كۆرسىتىپ.

يېڭىلىقپەرۋەر

  • يېڭىلىقپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى، يېڭىلىق يارىتىش تەرەپدارى، يېڭىلىقنى ياقلىغۇچى:[مىسال:] يېڭىلىقپەرۋەر ياش.

يېڭىلىماق

  • يېڭىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۇرۇنقىسىنى يېڭى نەرسىگە ئالماشتۇرماق، بۇرۇنقىسىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى قويماق؛ يېڭى قىلماق. يېڭى ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] سەيلىخان ئاچا پات-پات پىيالىلەردىكى چايلارنى يېڭىلايتتى.

يېڭىۋاشتىن

  • يېڭىۋاشتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]يېڭى+باش+تىن[[يەشمىسى:] قايتىدىن، ئىككىنچى قېتىم، باشقىدىن:[مىسال:] ئادىل يەنە بايىقى يەرگە چىقىپ، يېڭىۋاشتىن ئولتۇردى.

يېڭىياچە

  • يېڭىياچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يېڭىدىن، ئەمدىلا، تۇنجى قېتىم، ھەم يېڭىلا:[مىسال:] قەنتىم بارغۇ، قەنتىم بار، يانچۇقۇمدا قەنتىم بار. يېڭىياچە يار تۇتتۇم، ئايرىلماسقا شەرتىم بار.

يېڭىياچىلىق

  • يېڭىياچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، ھالىتى، يېڭى باشلىنىشى:[مىسال:] ئۆينى مۇشۇنچىلىكرەك قىلىۋالدۇق، دېدى ئۇ پىيالىگە چاي قۇيۇۋېتىپ، يېڭىياچىلىق، بىردەم پاراڭلىشايلى.

يېلىڭ

  • يېلىڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېپىز، يۇپقا:[مىسال:] يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كىيىمى يوقنىڭ قوپقۇسى كەلمەس (ماقال).

يېلىڭ-يالىڭاچ

  • يېلىڭ-يالىڭاچ[يەشمىسى:] كىيىمى يېلىڭ ۋە بەدىنى يالىڭاچ، يېلىڭ ۋە يالىڭاچ دېگۈدەك:[مىسال:] ئۇلار يېلىڭ-يالىڭاچ ھالدا بىر-بىرىنى يۆلىشىپ يولغا چىقىپتۇ.

يېلىڭ-يوپۇڭ

  • يېلىڭ-يوپۇڭ[يەشمىسى:] كېيىم-كېچەكلىرىنىڭ تايىنى يوق، تۈزۈك ئۈستۋېشى يوق، يېلىڭ-يالىڭاچ:[مىسال:] ئەمدى ئۇلار بۇرۇنقى ئاشۇ نامرات، يېلىڭ-يوپۇڭ تۇرمۇشىنى ئۇنتۇپتۇمۇ

يېلىم

  • يېلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەرەخنىڭ غولى ياكى شاخلىرىدىن سارقىپ چىقىپ قېتىپ قالىدىغان بىر خىل يېپىشقاق نەرسە:[مىسال:] جىگدە يېلىمى. ئۆرۈك يېلىمى. شاپتۇل يېلىمى.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاش، بىرىكتۈرۈش، چاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېپىشقاق سۇيۇقلۇق:[مىسال:] يېلىم تەييارلىماق. يېلىم سۈركىمەك. يېلىم چاپماق.

يېلىمى ئېرىمەك

  • يېلىمى ئېرىمەك[يەشمىسى:] بۇرۇنقى قاتتىق پوزىتسىيىسى يۇمشىماق.

يېلىملاتماق

  • يېلىملاتماق[يەشمىسى:] «يېلىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يېلىملاشماق

  • يېلىملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېلىم تۇتماق ياكى يېلىمغا ئايلانماق، يېلىم بولماق.

يېلىملانماق

  • يېلىملانماق[يەشمىسى:] «يېلىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يېلىملىق

  • يېلىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېلىمى بار، يېلىم سۈرتۈلگەن، يېلىملانغان:[مىسال:] يېلىملىق لاتا.

يېلىملىماق

  • يېلىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېلىم سۈرتمەك، يېلىم سۈركىمەك؛ يېلىم بىلەن يېپىشتۇرماق، چاپلىماق.

يېلىن

  • يېلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئايال كىشى ياكى سۈت ئەمگۈچى چىشى ھايۋانلار تېنىدە بولىدىغان سۈت ئاجرىتىش ئورگىنى، سۈت بېزى، ئەمچەك.

يېلىن سالماق

  • يېلىن سالماق[يەشمىسى:] تۇغىدىغان ھايۋانلارنىڭ يېلىنى يوغىنىماق، تولماق.

يېلىنجاتماق

  • يېلىنجاتماق[يەشمىسى:] «يېلىنجىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يېلىنجىماق

  • يېلىنجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يالقۇنلىماق، يالقۇنلاپ ئىسسىق تەپتى ئەتراپقا تارالماق، كۈچلۈك ئىسسىقلىق تارقاتماق:[مىسال:] ئۇلار گۇگۇم اق» پېئىلىنىڭ

يېنىك ئاتلېتىكا

  • يېنىك ئاتلېتىكا[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] مېڭىش، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئېتىش قاتارلىق تەنھەرىكەت ماھارەتلىرىدىن تەركىب تاپقان، شەخسنى ئاساس قىلغان تەنھەرىكەت تۈرى.

يېنىك سانائەت

  • يېنىك سانائەت[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدىغان سانائەت. ئادەتتە ئۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى، يېمەكلىك سانائىتى ۋە دورا سانائىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېنىك شامال

  • يېنىك شامال[يەشمىسى:] دەرىجىسى بىر-ئىككى بال ئەتراپىدىكى كىشىگە بىر خىل ھۇزۇر بېغىشلايدىغان سالقىن شامال:[يەشمىسى:] كەچكە يېقىن چىققان يېنىك شامال ئەمدى خېلى كۈچەيگەنىدى.

يېنىك قوراللار

  • يېنىك قوراللار[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئېتىش مۇساپىسى بىرقەدەر يېقىن، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان قوراللار. مەسىلەن، مىلتىق، ئاپتومات، پىلىموت قاتارلىقلار.

يېنىكلەتمەك

  • يېنىكلەتمەك[يەشمىسى:] «يېنىكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سالقىن شامال تاشۋاينى يېنىكلىتىپ، ئۇنىڭغا يەنە باشقىچە روھ ئاتا قىلدى.

يېنىكلەشتۈرمەك

  • يېنىكلەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «يېنىكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[مىسال:] ئوقۇتقۇچىمىز دەرسلەرنى يېنىكلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى. * ئەمدى ھەرقانداق بىر قىز مېنىڭ ھەسرەتلىرىمنى يېنىكلەشتۈرەلمەيدۇ.

يېنىكلەشتۈرۈشمەك

  • يېنىكلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يېنىكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېنىكلەشتۈرۈلمەك

  • يېنىكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «يېنىكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يېنىكلەشمەك

  • يېنىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېنىك بولماق، يېنىك ھالەتكە كەلمەك، يېنىكلىمەك:[مىسال:] تېخنىكا يېڭىلاش نەتىجىسىدە ئەزالارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى يېنىكلەشتى.

يېنىكلەنمەك

  • يېنىكلەنمەك[يەشمىسى:] «يېنىكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

يېنىكلىتىشمەك

  • يېنىكلىتىشمەك[يەشمىسى:] «يېنىكلەتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېنىكلىتىلمەك

  • يېنىكلىتىلمەك[يەشمىسى:] «يېنىكلەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جازا يېنىكلىتىلدى.

يېنىكلىك

  • يېنىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېغىر ئەمەسلىك، يەڭگىللىك:[مىسال:] ئۇنىڭ جىنايىتىنىڭ يېنىكلىكى بىزگە مەلۇم. * ئۇ بۇ يەردىكى ئىشنىڭ يېنىكلىكىنى بىلەتتى.[يەشمىسى:] ② روھىي جەھەتتىكى خاتىرجەملىك، ئەركىن-ئازادە، نورمال ھالەت:[مىسال:] خان كۆڭلى ئارام ئالغاندەك يېنىكلىك ھېس قىلىپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى.[يەشمىسى:] ③ [يەشمىسى:] ئاقىۋېتىنى ئويلىمايلا قىلغان ھەرىكەت، ئالدىراڭغۇلۇق، يەڭگىلتەك، تەنتەكلىك:[مىسال:] مەخمۇت بۇ ئىشتا يېنىكلىك قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشىنەتتى.

يېنىكلىمەك

  • يېنىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېنىك بولۇپ قالماق، يېنىك ھالەتكە كەلمەك، ئېغىرلىقى ئازايماق:[مىسال:] دەريادىن چىققاندا تۇز ئارتىلغان ئېشەكنىڭ يۈكى يېنىكلەپتۇ، پاختا ئارتىلغان ئىشەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، پائالىيەت جەريانى قاتارلىقلار ئاسانلاشماق، ئاسان، ئوڭاي ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] بوۋاينىڭ ياردىمى بىلەن ئېغىر ئىشىمىز يېنىكلەپ بىزمۇ خېلىلا ئارام تېپىپ قالدۇق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئومۇمەن ئادەمنى روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن خورىتىدىغان تۈرلۈك تۇيغۇ ياكى زەربىلەرنىڭ زىيىنى كېمەيمەك، ئادەمگە كەلتۈرگەن كۆڭۈلسىزلىكلىرى ئازايماق، زەربىسى تۆۋەنلەپ بارماق:[مىسال:] كېسىلى يېنىكلىمەك. دەردى يېنىكلىمەك. غەمدىن يېنىكلەپ قالماق. ۋىجدان ئازابى يېنىكلىمەك.[يەشمىسى:] ④ روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم، خۇش بولۇپ قالماق، ئۆزىنى يېنىك، ئەركىن-ئازادە ھېس قىلماق:[مىسال:] مەن ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى يېنىكلەپ قالدىم.

يېۋروپىي

  • يېۋروپىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Europium)Eu. سىرەك يەر مېتاللىرى ئىچىدىكى ساقلىنىش مىقدارى ئەڭ ئاز بولغان بىر خىلى. ئاتوم رېئاكسىيە قازىنىدا پروتون سۈمۈرگۈچى قىلىنىدۇ.

يېيىتما

  • يېيىتما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېيىتىلغان ياكى يېيىتىلىدىغان:[مىسال:] يېيىتما خىش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<[يەشمىسى:] جۇڭگوچە رەسىم سىزىشتىكى بىر خىل كەسپىي ماھارەت، يەنى كۆڭلەن گۈل-گىياھ سىزمىلىرىنىڭ ماھارىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدا، ئىزنا سىزىقلىرى ئىشلىتىلمەيدۇ، موي قەلەمنىڭ ئۇچى سىياھقا چىلىنىپ، قەغەز يۈزىگە سەل-پەل تەگكۈزۈلگەن ھامان سىياھ يېيىلىدۇ. بىرلا قەلەمدە قېنىق-سۇسلۇق دەرىجىسى تەڭ چىقىرىلىدۇ.

يېيىتماق

  • يېيىتماق[يەشمىسى:] «يايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەۋلان مېنى يېيىتىپ قويۇلغان زىغىر پاخىلى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.

يېيىشلىك

  • يېيىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەمى ياخشى، ئادەمنىڭ يېگۈسى كېلىدىغان:[مىسال:] يېيىشلىك تاماق.[يەشمىسى:] ② نەپسى چوڭ، يېمەك-ئىچمەككە ئامراق، تويماس، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا كۆپ خىراجەت قىلىدىغان:[مىسال:] مېلىڭ يېيىشلىك بولسا بەردى خۇدا، خوتۇنۇڭ يېيىشلىك بولسا ئۇردى خۇدا (ماقال).

يېيىشماق

  • يېيىشماق[يەشمىسى:] «يايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يېيىشمەك

  • يېيىشمەك[يەشمىسى:] «يېمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قىمىز ئېچىپ، كاۋاپ يېيىشىپ ئوبدان مېھمان بولۇشتى.

يېيىق

  • يېيىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېيىلغان، يېيىپ قويۇلغان:[مىسال:] ماشىنا يېيىق ئېقىننىڭ سايلىقىدىن ئۆتۈپ بولغاندىلا ئۇ كۆزىنى ئاچتى.

يېيىق جۈملە

  • يېيىق جۈملە[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملە شەكىللىرىدىن بىرى، ئىگىسى بىلەن خەۋىرى كېڭەيتىلگەن ياكى باش بۆلەك بىلەن ئەگەشمە بۆلەك بىللە كەلگەن بىر خىل جۈملە.

يېيىق سۈيى

  • يېيىق سۈيى[يەشمىسى:] زىرائەت تېرىلىپ ئۈنگەندىن كېيىن سىرغىتىپ قويۇلغان دەسلەپكى سۇ.

يېيىقلىق

  • يېيىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېيىلغان، يېيىپ قويۇلغان، يېيىتىلغان:[مىسال:] ئۇنىڭ توخۇلىرى باشقىلارنىڭ يېيىقلىق بۇغدىيىنى يەپ كېتىپتۇ. ∥ ئۈستەلدە بۈگۈنكى يېڭى گېزىت يېيىقلىق تۇرۇپتۇ.

يېيىلاڭغۇ

  • يېيىلاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېيىلىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ئوڭ تەرەپ جەينەك چوققىلىق تاغ، سول تەرەپ يېيىلاڭغۇ دەريا ئىدى.

يېيىلدۇرماق

  • يېيىلدۇرماق[يەشمىسى:] «يېيىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر قولىدىكى ياغاچ ئەندۇۋا بىلەن لاينى يېيىلدۇرۇپ ماڭاتتى.

يېيىلما

  • يېيىلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېيىلىپ تۇرغان، يېيىلغان ياكى يېيىتىپ قويۇلغان.

يېيىلماق

  • يېيىلماق[يەشمىسى:] ① «يايماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نوزۇگۇمنىڭ بېشى مەيدانغا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ، ئۇزۇن چاچلىرى تۇپراق ئۈستىگە يېيىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تارالماق، ئەتراپقا تارىلىپ ھەممە ياقنى بىر ئالماق، ھەممىگە ئاڭلانماق ياكى ھەممىگە مەلۇم بولماق:[مىسال:] بۇ خەۋەر ھەش-پەش دېگۈچە پۈتۈن مەكتەپكە يېيىلدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاپلىماق، باسماق، ئەتراپنى ئۆزىنىڭ ھالىتىگە كەلتۈرمەك (نۇر ياكى قاراڭغۇلۇق ھەققىدە):[مىسال:] ئاستا-ئاستا تولۇن ئاينىڭ ئاقۇچ نۇرلىرى ئەتراپقا يېيىلدى. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇشال بولماق، روھىي جەھەتتىن ئازادىلىك ھېس قىلماق، خۇشال-خۇرام يۈرمەك:[مىسال:] بۇنىلەيلى كۆرۈپ كۈلدى، يېيىلدى، نە كۈلدى خۇددى بىر گۈلدەك ئېچىلدى.

يېيىلمەك

  • يېيىلمەك[يەشمىسى:] «يېمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى.

يېيىلىپ-ئېچىلىپ

  • يېيىلىپ-ئېچىلىپ[يەشمىسى:] ناھايىتى خۇشال-خۇرام، ئەركىن-ئازادە ھالدا، ھېچقانداق غەم-ئەندىشە ياكى قورۇنۇشى، تارتىنىشى يوق ھالدا:[مىسال:] ئۇ بايىقى خاپىلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا يېيىلىپ-ئېچىلىپ سۆزلەپ كەتتى.

يېيىلىشچان

  • يېيىلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېيىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يېيىلىدىغان.

يېيىلىشچانلىق

  • يېيىلىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېيىلىشچان بولۇش، يېيىلىشچان خۇسۇسىيەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مېتاللارنىڭ بازغانلاش ياكى بېسىشقا ئۇچرىغان چاغدا يېرىلىپ كەتمەستىن، داۋاملىق نېپىزلىنىپ ياپىلاقلىنىش خۇسۇسىيىتى. مەسىلەن، مىس، كۈمۈش، ئالتۇن، پلاتىنا قاتارلىق مېتاللار ئەڭ مول يېيىلىشچانلىققا ئىگە.

يېيىم

  • يېيىم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ شۇنچە قېتىم يېيىشقا بولىدىغان، شۇنچە قېتىم يايسا تۈگەيدىغان مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر يېيىم چۆپ. ئۈچ يېيىم ئاش.

يىپ

  • يىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاختا، يىپەك، چىگە، يۇڭ ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تالاسىدىن ئىنچىكە قىلىپ ئېگىرىلگەن، تىكىش، توقۇش ماتېرىيالى:[مىسال:] پاختا يىپ. يۇڭ يىپ. يىپ ئېگىرمەك. يىپ رەخت. ماشىنا يىپى.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن باغلاش، ئوراش ۋە شۇ قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە؛ شوينا، كاناپ:[مىسال:] ئاياغ يىپى. يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئۆز تېنىدە بولىدىغان تالاسىمان توقۇلما:[مىسال:] يىپ بېزى.

يىپ بازىرى قىلماق

  • يىپ بازىرى قىلماق[يەشمىسى:] باش-ئايىغى يوق پاراڭلار بىلەن قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەك.

يىپ ئۇچى

  • يىپ ئۇچى[يەشمىسى:] بىرەر چىگىش مەسىلە، ھادىسە قاتارلىقلار ھەققىدىكى دەسلەپكى ئۇچۇر، مەلۇمات، دەسلەپ مەلۇم بولغان خەۋەر:[مىسال:] ئەر-ئايال ئىككىسى توغرىسىدا بىرەر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلىدىڭلارمۇ

يىپ ئۆتكۈزۈپ داۋالاش

  • يىپ ئۆتكۈزۈپ داۋالاش[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مەقئەت ئاقمىسىنى داۋالاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. بۇنىڭدا دورىلىق يىپ ئاقما كانىلى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەقئەت تۆشۈكىدىن چىقىرىلىدۇ. دورا يىپنىڭ ئىككى ئۇچى چىڭ چىگىلىدۇ. دورا يىپنىڭ بېسىمى ۋە چىرىتىشى بىلەن ئاقما كانىلى تەدرىجىي ئايرىلىپ، يوقىلىدۇ.

يىپ ئېشەلمەسلىك

  • يىپ ئېشەلمەسلىك[يەشمىسى:] «قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەسلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] دېھقانلار راستتىنلا يامبۇدا ئىشىك تاقىغۇدەك بولۇپتۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا سىلى بىلەن بىز يىپ ئېشەلمەيدىكەنمىز.

يىپىدىن يىڭنىسىگىچە

  • يىپىدىن يىڭنىسىگىچە[يەشمىسى:] ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە، ھېچنېمىنى قالدۇرماي، ھەممىسىنى.

يىپەك

  • يىپەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پىلە غوزىسىدىن ئېلىنىدىغان ئىنچىكە تالا ۋە ئۇنىڭدىن ئېگىرىلگەن يىپ، مەشۇت:[مىسال:] خام يىپەك. پىشۇرۇلغان يىپەك. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇنداق يىپلاردىن توقۇلغان رەخت، شايى ۋە ئۇنىڭدىن تىكىلگەن:[مىسال:] يىپەك رومال. يىپەك ياغلىق. يىپەك كۆڭلەك.

يىپەك تارتماق

  • يىپەك تارتماق[يەشمىسى:] پىلە غوزىكىدىن مەشۇت چىقارماق.

يىپەك يولى

  • يىپەك يولى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرى ئېچىلغان، جۇڭگودىن غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا مال توشۇلىدىغان سودا يولى. بۇ يولدا جۇڭگونىڭ يىپەك ۋە يىپەك بۇيۇملىرى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن) دىن خېشى كارىدورى ئارقىلىق ھازىرقى شىنجاڭدىن ئارسكقا (ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمكى تۈركىي دۆلەت) ۋە غەربىي ئاسىيا ھەم ياۋروپادىكى رىم ئىمپېرىيىسىگە توشۇلغان.

يىپەكچى

  • يىپەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پىلىدىن يىپەك يىپنى چىقىرىپ، يىپەك توقۇشقا تەييار قىلىپ بەرگۈچى.[يەشمىسى:] ② يىپەك رەختلەرنى توقۇغۇچى ياكى يىپەك توقۇش ئىشچىسى.

يىپەكچىلىك

  • يىپەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلىدىن يىپەك چىقىرىش ئىشى ۋە كەسپى:[مىسال:] يىپەكچىلىك فابرىكىسى.

يىپچە

  • يىپچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئىنچىكە يىپ ياكى تالا. مەسىلەن، يىلتىز تۈكچىسى ۋە توغرا يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ تۈزۈلمە بىرلىكىگە ئوخشاش. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىپقا ئوخشاش، يىپ ھالىتىدىكى:[مىسال:] يىپچە قۇرت.

يىپسىز

  • يىپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىپ يوق، يىپ ئۆتكۈزۈلمىگەن، يىپقا ئىگە بولمىغان:[مىسال:] يىپسىز يىڭنە.

يىپسىمان

  • يىپسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىپقا ئوخشاش، يىپ شەكلىدىكى، يىپتەك:[مىسال:] يىپسىمان باكتېرىيە. يىپسىمان ھايۋان. يىپسىمان يوپۇرماق.

يىپلاشماق

  • يىپلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىپ پەيدا بولماق، يىپقا ئايلانماق.

يىپلىق

  • يىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىپ بار، يىپ ئۆتكۈزۈلگەن ياكى يىپقا چېتىلغان؛ يىپ بىلەن بېزەلگەن:[مىسال:] بىز سېتىۋالغان ئىنچىكە يىپلىق ئاق مىشكاپلار شۇ يەردە قالغانىدى.

يىپ-يىڭنە

  • يىپ-يىڭنە[يەشمىسى:] يىپ ۋە يىڭنە، يىڭنە ئىشىدا ئىشلىتىلىدىغان ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ يىپ-يىڭنىلىرىنى كۆتۈرۈپ كىيىم ئىشكاپى ئالدىغا كەلدى.

يىت

  • يىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرۋاھلارغا ئاتاپ مايدا پوشكال، قۇيماق سالغان ۋاقىتتىكى ماينىڭ ھىدى، پۇراق:[مىسال:] يىت پۇراتماق.

يىتتۈرمەك

  • يىتتۈرمەك[يەشمىسى:] «يىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رۇقىيە گويا قىممەتلىك بىرنەرسىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئادەمدەك بولۇپ قالدى.

يىتتۈرۈشمەك

  • يىتتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «يىتتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يىتمەك

  • يىتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يوقالماق، يوق بولماق، غايىب بولماق:[مىسال:] يىتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن (ماقال).

يىراق

  • يىراق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارىلىقى، مۇساپىسى نېرى، يېقىن ئەمەس، ئۇزۇن:[مىسال:] مەكتەپ بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق ئىدى. ∥ بىراق نۇرىدىن يىگىرمە كۈن ئىچىدە ناھايىتى يىراق كەتكەنىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچى تۇرغان يەردىن ئارىلىقى، مۇساپىسى ئۇزۇن بولغان جاي:[مىسال:] مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا كۆز تاشلىدىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇساپىسى ئۇزۇن ھەم نېرى جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان:[يەشمىسى:] مەن دادامنىڭ يىراق سەپەردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئۆيگە يۈگۈردۈم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالاقىسى، مۇناسىۋىتى تازا قويۇق ئەمەس:[مىسال:] ياقەي، بىز يىراق ئەمەس، كۆڭلىمىز يېقىن. ∥ ئويلاپ قىلساڭ سۆزۈڭنى، ئامما بولىدۇ ئامراق. يوغان تۇتساڭ ئۆزۈڭنى، ئەل بولۇر سەندىن يىراق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاقىت جەھەتتە ئۇزاق؛ خېلى كېيىن كېلىدىغان:[مىسال:] بۇ زالىملارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدىغان چاغلارمۇ يىراق ئەمەس.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشنىڭ كەلگۈسى، ئىش-پائالىيەتنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى:[مىسال:] يىراقنى كۆزلىمەك. يىراقنى كۆرمەك. [يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىش كېلىشتە كەلگەن ئايرىم ئىسىم ياكى ھەرىكەتناملىرىدىن كېيىن كېلىپ، نەتىجىنىڭ شۇ ئىسىم ياكى ھەرىكەتنامى بىلدۈرگەن ھالغا كەلمىگەنلىكىنى، بەلكى شۇ ھالغا كېلىشتىن كۆپ تۆۋەن، كەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىز تېخى تەلەپتىن كۆپ يىراق، دېدى ئايجامال.

يىراق قەدىمىي ئېرا

  • يىراق قەدىمىي ئېرا[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيىلىك يىلنامىنىڭ ئىككىنچى ئېراسى. بۇنىڭدىن 2 مىليارد 400 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ، 570 مىليون يىل بۇرۇن ئاياغلاشقان. بۇ ئېرادا يۈسۈنلەر ۋە مىكروئورگانىزملار تەرەققىي قىلغان، ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار تاسادىپىي كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بەك قەدىمىي ئېرا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ۋاقىتلاردىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ ئاينىش دەرىجىسى بىرقەدەر تېيىز، شۇنداقلا بىر قىسىم ئاينىشقا ئۇچرىمىغان چۆكمە جىنسلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئاساسىي تاغ جىنسلاردىن تاختا جىنس، مەرمەر جىنس، دولومىت جىنس، ھاكتاش جىنس، تارىشا جىنس، قۇم تاش جىنس، مىڭقات جىنس قاتارلىقلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يىراق قەدىمىي ئېرا تېمى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىگە تارالغان. شەرتلىك بەلگىسى: pt.

يىراقنى كۆرمەك

  • يىراقنى كۆرمەك[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەت، ھادىسىنىڭ ئاقىۋىتىنى، نەتىجىسىنى توغرا مۆلچەرلىمەك، ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاخىرىنى ئوبدان ئويلاپ توغرا يول تۇتماق.

يىراقنى يېقىن قىلماق

  • يىراقنى يېقىن قىلماق[يەشمىسى:] قىيىن، مۈشكۈلچىلىكلەرنى ئاسانلاشتۇرماق، ئېغىرچىلىقنى يېنىكلەشتۈرمەك، ئاسان قىلماق.

يىراقلاتماق

  • يىراقلاتماق[يەشمىسى:] «يىراقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يىراقلاشتۇرماق

  • يىراقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «يىراقلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەردان قوپاللىق بىلەن رۇقىيەمنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇردى.

يىراقلاشقۇچى

  • يىراقلاشقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەدرىجىي يىراقلىشىپ بارىدىغان، يىراقلىشىدىغان:[مىسال:] يىراقلاشقۇچى سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى.

يىراقلاشماق

  • يىراقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى كىشىنىڭ يېنىدىن يىراققا كەتمەك، ئايرىلماق، نېرى بولماق، ئۇزاقلاشماق:[مىسال:] ئۇ بۇلاق بېشىدىن يىراقلاشتى. * ھېلىقى ناخشا ئاۋازى بارغانسېرى يىراقلاشماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇرۇق-تۇغقانلىق، دوستلۇق ئالاقىلىرى سۇسلاشماق:[مىسال:] مەن ئۆزۈمنىڭلا غېمىدە بولۇپ، سەندىن يىراقلىشىپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەرق چوڭايماق:[مىسال:] مۇشۇ كۈنلەردە ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن كۆزقاراش جەھەتتىنمۇ خېلىلا يىراقلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

يىراقلىق

  • يىراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىن ئەمەسلىك، ئۇزاقلىق، يىراق بولۇش:[مىسال:] يولنىڭ يىراقلىقى.

يىراقلىماق

  • يىراقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «يىراقلاشماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ياق، ئۇنداق ئىشلاردىن ھازىر يىراقلاپ كەتتۇق.

يىراق-يېقىن

  • يىراق-يېقىن[يەشمىسى:] يىراق ۋە يېقىن، ھەممە ئەتراپ:[مىسال:] تەبرىكلەپ بوۋاينى يىراق-يېقىندىن، ئەۋەتتى سەپداشلار يۈزلەپ سالام خەت.

يىرتقۇچ

  • يىرتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يىرتىدىغان، ئۆتكۈر:[مىسال:] يىرتقۇچ چىشلىقلار.[يەشمىسى:] ② جانلىقلار بولۇپمۇ ھايۋانلار گۆشى بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان، گۆشخور، ۋەھشىي، ياۋۇز (ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] يىرتقۇچ ھايۋانلار. يىرتقۇچ قۇشلار.

يىرتقۇچ قۇشلار

  • يىرتقۇچ قۇشلار[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر تۈركۈمى. بۇ خىل قۇشلارنىڭ تۇمشۇقى قىسقا ياكى ئۇچلۇق، ئۆتكۈر، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى ئۇچلۇق ھەم ئىلمەك، قانىتى چوڭ، تاپان سۆڭىكى تەرەققىي قىلغان، ئۇچۇشقا ماھىر، پۇتلىرى قىسقا، توم ۋە مەزمۇت كېلىدۇ. بارماقلىرىدا قارماقسىمان تىرناقلىرى بولىدۇ. كۆرۈش سېزىمى ئۆتكۈر كېلىدۇ. باشقا قۇشلار ۋە كىچىك ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. مەسىلەن، تازقارا، بۈركۈت، سار قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

يىرتقۇچ ھايۋانلار

  • يىرتقۇچ ھايۋانلار[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدىكى تېنى زور، خۇسۇسىيىتى ۋەھشىي كېلىدىغان گۆشخور ھايۋانلار. مەسىلەن، يولۋاس، شىر، يىلپىز قاتارلىقلار. بۇ خىل ھايۋانلار ئادەتتە باشقا ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. بەزىلىرى ئادەملەرگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.

يىرتقۇچلۇق

  • يىرتقۇچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەھشىيلىك:[مىسال:] شۇ چاغدا ئۇنىڭ رەڭگىدىن يىرتقۇچلۇقنىڭ بەلگىلىرى كۆرۈنەتتى.

يىرتقۇزماق

  • يىرتقۇزماق[يەشمىسى:] «يىرتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يىرتماق

  • يىرتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قەغەز، لاتىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى قول ياكى باشقا نەرسىلەر ۋاسىتىسى بىلەن پارچىلىماق، بۆلەكلەرگە ئاجراتماق، پارچە-پارچە قىلماق؛ بۇزماق:[مىسال:] تۆمۈر رېشاتكا ئۇنىڭ يەڭلىرىنى يىرتىۋەتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈرلۈك يازما توختام، كېلىشىم قاتارلىقلارنى بىكار قىلماق، ئىناۋەتسىز قىلماق، ئۇنى ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى توختاتماق:[مىسال:] ئۇلار سۆھبەت جوزىسىدىن ئايرىلىپلا، بىتىمنىڭ سىياھى قۇرۇمايلا بىتىمنى يىرتىپ تاشلىدى.

يىرتىشماق

  • يىرتىشماق[يەشمىسى:] «يىرتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كىرگەن بويى كىتابلارنى يىرتىشىپ، ئوت قويۇشقا باشلىدى.

يىرتىق

  • يىرتىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىرتىلغان؛ يىرتىلىپ كاردىن چىققان، بۇزۇلغان:[مىسال:] يىرتىق كىگىز. يىرتىق كىيىم.

يىرتىلماق

  • يىرتىلماق[يەشمىسى:] «يىرتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ياقىسى يىرتىلغانىدى.

يىرغۇزماق

  • يىرغۇزماق[يەشمىسى:] «يىرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يىرگەندۈرمەك

  • يىرگەندۈرمەك[يەشمىسى:] «يىرگەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزلىرى سەلىمىنى يىرگەندۈرۈۋەتتى.

يىرگەنمەك

  • يىرگەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سەسكەنمەك، بىزار بولماق؛ زېرىكمەك:[مىسال:] ياخشىدىن ئۆگەن، ياماندىن يىرگەن (ماقال).

يىرگىنچ

  • يىرگىنچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەسكىنىش، بىزار بولۇش تۇيغۇسى، بىزارلىق:[مىسال:] ئۇ يىرتىق كىيىملەر بىلەن بىر چەتتە تۇرغان نۇرنىساغا يىرگىنچ بىلەن نەزەر سالدى.

يىرگىنچلىك

  • يىرگىنچلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى قاتتىق بىزار قىلىدىغان، يىرگەندۈرىدىغان:[مىسال:] بۇ ماتېرىياللار ئۇنىڭغا تۇتۇشقا بولمايدىغان يىرگىنچلىك بىرنەرسىدەك بىلىنىشكە باشلىدى.

يىرگىنىشمەك

  • يىرگىنىشمەك[يەشمىسى:] «يىرگەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يىرماق

  • يىرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوتتۇرسىنى ئاچماق، ئارىسىنى ئېچىپ كەرىمەك، بۆلمەك:[مىسال:] شاخنى يىرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رەت قىلماق، ئىنكار قىلماق، ماقۇل بولماي قويماق، ئىلىك ئالماي كەتمەك (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] مەن ئۇنىڭ گېپىنى يىرىشقا ئامالسىز ئىدىم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۆلمەك، ئارىلىماق، يېرىم يولدا توختىتىپ لوقما سالماق (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ھارۋىكەشلەر شائىرنىڭ سۆزىنى يىرماي، جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاشتى.

يىرىشماق

  • يىرىشماق[يەشمىسى:] «يىرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يىرىق

  • يىرىق[يەشمىسى:] ① يىرىلغان ياكى ئاچىماقلانغان جاي:[مىسال:] شاخنىڭ يىرىقى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] سان بىلەن قورساق ئارىلىقىدىكى ئويمان ئېرىقچە.

يىرىك

  • يىرىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەجمى، ئۆلچىمى ياكى دانىچە دىئامېتىرى نىسبەتەن چوڭ؛ زور:[مىسال:] يىرىك قۇرۇلۇش. يىرىك گۈرۈچ. يىرىك قۇم.[يەشمىسى:] ② كۆپ كىشىدىن تەركىب تاپقان، كۆپ سانلىق:[مىسال:] يىرىك قوشۇن. يىرىك تەشكىلات.[يەشمىسى:] ③ زور ماددىي كۈچ ۋە ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغان، كۆلىمى كەڭ؛ كەڭ كۆلەملىك:[مىسال:] يىرىك سانائەت. يىرىك ئىگىلىك. يىرىك كارخانا. يىرىك خوجىلىق.[يەشمىسى:] ④ ئۆز ئىشى ۋە پائالىيىتى ياكى تەسىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن، شۆھرەت، ئابرۇي قازانغان؛ ئاتاقلىق، نوپۇزلۇق:[مىسال:] يىرىك ئالىم. يىرىك ئەسەر. يىرىك ئەدىب. يىرىك شائىر.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈز، سىلىق بولمىغان، قوپال:[مىسال:] يىرىك تېرە. يىرىك تاختا. يىرىك قەغەز.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېخنىكىسى تۆۋەن، ئەمگەك سىجىللىقى بىرقەدەر يۇقىرى:[مىسال:] يىرىك ئىش. يىرىك ئەمگەك. يىرىك مەشغۇلات. يىرىك ئىشلەپچىقىرىش.

يىرىكچىلىك

  • يىرىكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوغۇق مۇناسىۋەت، مۇناسىۋەتنىڭ يىراقلىشىشى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئارىسىغا يىرىكچىلىك سالغان كىم

يىرىكلەشتۈرمەك

  • يىرىكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «يىرىكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يىرىكلەشمەك

  • يىرىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يىرىك ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇ ئات-ئۇلاغلارنىڭ ئاستىدا تۇرۇۋېرىپ يىرىكلەشكەن پاخاللارنى بىر چەتكە يىغىپ قويدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوپاللاشماق، سوغۇقلاشماق؛ كۆرۈمسىزلەشمەك، سەتلەشمەك:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ قاتتىق بوراندا يىرىكلىشىپ كەتكەن ساقاللىرىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سوغۇقلاشماق، تۈرلۈك ئازارلىشىش، ئاداۋەت، نىزالار سەۋەبىدىن ئارىدىكى مۇناسىۋەت يامانلاشماق، مۇناسىۋەت قوپاللاشماق:[مىسال:] سۇلتان بۇ ئىش تۈپەيلى مەتروزى بىلەن يىرىكلىشىپ قالدى.

يىرىكلىك

  • يىرىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يىرىك، زور، چوڭ ھالەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] مەھسۇلات، ئىش تۈرى قاتارلىقلارنىڭ زىللىق ياكى سىجىللىق دەرىجىسى.

يىرىك-يۇمشاق

  • يىرىك-يۇمشاق[يەشمىسى:] يىرىك ۋە يۇمشاق، ئومۇمەن ئېغىر-يېنىك ياكى سىلىق-قوپال:[مىسال:] ئۇ ئىشنىڭ يىرىك-يۇمشىقىنى تاللىمايدۇ، پايدا-زىياننى سۈرۈشتۈرمەيدۇ.

يىرىڭ

  • يىرىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ياللۇغلانغان ئورۇندىكى ئۆلگەن توقۇلما ۋە ئۆلگەن ئاق قان ھۈجەيرىلىرى شەكىللەندۈرگەن سارغۇچ، قويۇق سۇيۇقلۇق.

يىرىڭلىق

  • يىرىڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىرىڭى بار، يىرىڭ بولغان، يىرىڭلىغان ياكى يىرىڭلايدىغان:[مىسال:] يىرىڭلىق يارا.

يىرىڭلىماق

  • يىرىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىرىڭ پەيدا بولماق، يىرىڭ يىغماق.

يىرىلماق

  • يىرىلماق[يەشمىسى:] «يىرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۆچەت ئۇلىغان يېرىدىن يىرىلغانىدى.

يىزۇ

  • يىزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى، ئۇلار يۈننەن، سىچۈەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردا ياشايدۇ. چەت ئەللەردىن ۋېتنام، بىرمىدىمۇ بار.

يىزۇچە

  • يىزۇچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىزۇ مىللىتىگە، ئۇلارنىڭ تىلى، يېزىقى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] يىزۇچە ئۇسسۇل. يىزۇچە كىيىم. يىزۇچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىزۇ تىلى:[مىسال:] يىزۇچىنى ياخشى ئۆگەنمەك. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يىزۇ تىلى ياكى يېزىقىنى ئىشلىتىپ، يىزۇ تىل-يېزىقىدا، تىلىدا:[مىسال:] ئۇلار يىزۇچە سۆزلەشمەك.

يىغا

  • يىغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆزدىن ياش تۆكۈش، يىغلاش:[مىسال:] ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، ھەسرەت، بىرەر ئىشتىكى مۈشكۈلچىلىك، قىيىنچىلىق:[مىسال:] ھازىرمۇ ئوخشاشلا كەمبەغەلنىڭ يىغىسىنى ھېچكىم ئاڭلىمايدىكەن.

يىغا-زار

  • يىغا-زار[يەشمىسى:] يىغا ۋە زار، ئومۇمەن قايغۇلۇق ھەرىكەتلەر:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئايرىلىشى قاتتىق يىغا-زار، ئېغىر جۇدالىق ۋە مۇسىبەتلىك ھېسسىيات ئىچىدە ئۆتتى.

يىغدۇرماق

  • يىغدۇرماق[يەشمىسى:] «يىغماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يىغقان-تۈگكەن

  • يىغقان-تۈگكەن[يەشمىسى:] ئۇزۇن مەزگىللەردىن بېرى يىغىپ، ئاياپ كەلگەن، ئىقتىساد قىلىپ جاپادا يىغقان، يىغىپ ئىقتىساد قىلىپ توپلىغان:[مىسال:] قوباقنىڭ چىرايلىقى، يىغقان-تۈگكىنىنى ئېلىپ، قېچىپ كەتتى.

يىغقۇچ

  • يىغقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغىش رولىنى ئوينايدىغان ئەسلىھە:[مىسال:] توزان يىغقۇچ.

يىغقۇچى

  • يىغقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈرلۈك نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغىش، مەركەزلەشتۈرۈش رولىغا ئىگە، يىغىدىغان، مەركەزلەشتۈرىدىغان:[مىسال:] يىغقۇچى ئەينەك. يىغقۇچى لىنزا.

يىغلاپ-قاقشاپ

  • يىغلاپ-قاقشاپ[يەشمىسى:] يىغلاپ ۋە قاقشاپ، مۈشكۈللۈك دەستىدىن دەرد-ھەسرەتلىنىپ، ئازابلىنىپ، نالە-زار قىلىپ:[مىسال:] ئاتا-ئانىسى يىغلاپ-قاقشاپ ئوغلىغا دۇئا بېرىپ، ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.

يىغلاتماق

  • يىغلاتماق[يەشمىسى:] «يىغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجببۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سېخىينىڭ كۈلكىسى بېخىلنى يىغلىتار (ماقال).

يىغلاشماق

  • يىغلاشماق[يەشمىسى:] «يىغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار چىڭ قۇچاقلاشقان ھالدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاشتى.

يىغلا-قاقشا

  • يىغلا-قاقشا[يەشمىسى:] «يىغلاپ-قاقشاپ»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇمۇ يىغلا-قاقشا، ئاخىرى بىر يىلنى ئۆتكۈزدى.

يىغلاڭغۇⅠ

  • يىغلاڭغۇⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا يىغلايدىغان، يىغىسى تولا:[مىسال:] يىغلاڭغۇ بالا. ئەللەي ئېيتىپ چىرايلىق، يىغلاڭغۇنى ئۇخلاتتى. دېمەك، مومام دەرسنى، يۈرىكىمگە ئورناتتى.

يىغلاڭغۇⅡ

  • يىغلاڭغۇⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ چاۋا يېغىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان نېپىز پەردىلىك ئىچىدىكى سۇيۇقلۇققا ئىگە نەرسە.

يىغلاڭغۇلۇق

  • يىغلاڭغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا يىغلايدىغان ئادەت، مىجەز؛ تولا يىغلاش.

يىغلامسىراتماق

  • يىغلامسىراتماق[يەشمىسى:] «يىغلامسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يىغلامسىراشماق

  • يىغلامسىراشماق[يەشمىسى:] «يىغلامسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يىغلامسىرىماق

  • يىغلامسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوشراق يىغلىماق، كۆزلىرىدە ياش پەيدا بولماق:[مىسال:] ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي يىغلامسىراپ تۇرۇپ قالدى.

يىغلىغاق

  • يىغلىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەلسە-كەلمەس يىغلاۋېرىدىغان، كۆپ يىغلايدىغان، يىغلاڭغۇ.

يىغلىماق

  • يىغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ياش تۆكمەك، كۆزىدىن ياش ئاققۇزماق:[مىسال:] قىز ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ھەسرىتىنى تۆكۈپ نالە قىلماق، دەردنى تۆكمەك:[مىسال:] بالام ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، سەن ياق دېسەڭ كىمگە يىغلايمەن.

يىغلاپ كۆرۈشكۈدەك بولماق

  • يىغلاپ كۆرۈشكۈدەك بولماق[يەشمىسى:] بەك سېغىنماق، ئىنتايىن تەقەززا بولماق، ھەددىدىن ئارتۇق تەشنا بولماق.

يىغلىغۇدەك بولماق

  • يىغلىغۇدەك بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتكە تولماق، ئازابلانماق، كۆڭلى يېرىم بولماق، پەرىشان بولماق:[مىسال:] گۈلشات يىغلىغۇدەك بولۇپ ئالدىمغا كەلدى.

يىغما

  • يىغما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك قىسىملاردىن يىغىلىپ، بىر پۈتۈنلۈك تەشكىل قىلغان؛ يىغىلغان، توپلانغان، جەملەنگەن:[مىسال:] يىغما خۇلاسە.[يەشمىسى:] ② يىغىلىدىغان، يىغقىلى بولىدىغان:[مىسال:] يىغما كارىۋات.

يىغماق

  • يىغماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر يەرگە توپلىماق، جەملىمەك، بىرلەشتۈرمەك، بىر قىلماق:[مىسال:] بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ھاتەم ھەممەيلەننى يىغدى.[يەشمىسى:] ② ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ھوسۇل-زىرائەت، قەرز ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئوڭۇشلۇق ھالدا جەملەپ ئۆز قولىغا، ئىلكىگە ئۆتكۈزمەك، قولىغا ئالماق:[مىسال:] قەرز يىغماق. ھوسۇل يىغماق.[يەشمىسى:] ③ ئاز-ئازدىن توپلاپ ئاينىتماق، كۆپەيتمەك:[مىسال:] بۇقا بوينىغا يىغار، ئابدال قوينىغا يىغار (ماقال).[يەشمىسى:] ④ پۈكلىنىدىغان، قاتلىنىدىغان، يىغىلىدىغان نەرسىلەرنى قاتلاپ-پۈكلەپ يىغىق ھالەتكە كەلتۈرمەك، قاتلىماق، پۈكلىمەك:[مىسال:] كارىۋاتنىڭ بىرسىگە ئورۇن-كۆرپىلەر يىغىلغانىدى.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرمەك، نۇقتىلىق قاراتماق (كۈچ، خىيال، ئەس-ھوش قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] كۈچىنى يىغماق. دىققىتىنى يىغماق. ھوشىنى يىغماق.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇجەسسەملەشتۈرمەك، ئەڭ زور دەرىجىدە ئىخچاملاپ مەركەزلەشتۈرمەك (ئاساسەنگەپ-سۆز، پىكىر-مۇلاھىزە ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ قەلبىدىكى پۈتۈن ھېس-تۇيغۇسى بىلەن ئارزۇ-ئىستىكىنى مانا شۇ بىر جۈملە سۆزگە يىغقانىدى.[يەشمىسى:] ⑦ تۈرلۈك ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنى توختاتماق، يىغىشتۇرۇپ قويماق، بولدى قىلماق:[مىسال:] ئۇ دەرھاللا دۇكىنىنى يىغىپ، ئالدىراپ ئۆيىگە قايتتى.

يىغىپ ئېيتقاندا

  • يىغىپ ئېيتقاندا[يەشمىسى:] ھەممە پىكىر-مۇلاھىزىنى، گەپنى خۇلاسىلىغاندا، يەكۈننى چىقارغاندا:[مىسال:] يىغىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەت خەلق تەرەپتە.

يىغىپ-تۆشەپ

  • يىغىپ-تۆشەپ[يەشمىسى:] ① ئاز-ئازدىن يىغىپ، جەملەپ، تېرىپ-تۆشەپ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر يىلدىن بىرى يىغىپ-تۆشەپ تاپقان ئۈچ يۈز يۈەنلا پۇلى بار ئىدى.[يەشمىسى:] ② ھەممىسىنى يىغىپ، بارىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي، بار-يوقى ھەممىسىنى، بارىنى:[مىسال:] ئۆي سەرەمجان ھېسابتا، يوتقان كونا، كىگىز جۇل. يىغىپ-تۆشەپ ساتساقمۇ، جەم بولمايدۇ ئالتە پۇل.

يىغىچى

  • يىغىچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا ھازا ئېچىپ يىغلاشقا ئۇستا، يىغلاشقا ماھىر:[مىسال:] يىغىچى ئايال.

يىغىش

  • يىغىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز ئارا پۇل-مال چىقىرىپ جەملەش، ياردەم ۋە ئىئانە ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاش:[مىسال:] يىغىش قىلماق.

يىغىشتۇرماق

  • يىغىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېيىلغان، چېچىلغان نەرسىلەرنى رەت-رېتى بويىچە يىغىپ، بىر يەرگە جەم قىلماق، رەتلىك توپلىماق، يىغماق:[مىسال:] ئۇ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئوغلىنىڭ ئورۇنلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-پائالىيەت ئۈچۈن ۋاسىتە بولىۋاتقان تۈرلۈك نەرسە-كېرەكلەرنى يىغماق، يىغىپ بىر چەتكە قويماق:[مىسال:] ئۇلار داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى. [يەشمىسى:] ③ [يەشمىسى:] پاكىز، رەتلىك ھالەتكە كەلتۈرمەك، رەتلەپ تازىلىماق: ماڭا ھېچ گەپ ئەمەس، دېدى جەمىلە ئۆيىنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەتنى توختاتماق، تاشلاپ قويماق، بەرھەم بەرمەك:[مىسال:] ئۇ كۈلكىلىرىنى يىغىشتۇردى-دە، جوزىغا بېشىنى قويۇۋېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوقاتماق، ۋەيران قىلماق:[مىسال:] ئۇلار قاراقچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆتەڭنى تىنچلاندۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ⑥ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان نەرسىلەرنى يىغىپ، ئۆز ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالماق، ئوڭۇشلۇق ھالدا يىغىۋالماق، توپلاپ ئۆز ئىلكىگە ئالماق:[مىسال:] ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل، دەپ ۋارقىرىدى توختاخۇن، بۇغداينى كېلىپ بىر كۈندىلا يىغىشتۇرۇپ بولىمەن. سەندەك نېمىلەرگە ئېغىرىمنى سالغۇچە ئۆلۈۋالىمەن

يىغىشماق

  • يىغىشماق[يەشمىسى:] «يىغماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىردەمدىن كېيىن بالىلار ئويۇنلىرىنى يىغىشتى.

يىغىق

  • يىغىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىخچام، يىغىنچاق، قۇرۇلما ۋە ئىچكى قىسىملىرى ئاددىي:[مىسال:] يىغىق جۈملە.

يىغىق جۈملە

  • يىغىق جۈملە[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] باش بۆلەكلەردىن يەنى ئىگە ۋە خەۋەردىن تۈزۈلگەن جۈملە.

يىغىقلىق

  • يىغىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىغىلغان، يىغىپ قويۇلغان:[مىسال:] كىگىزنىڭ ئۈستىدە يوتقان-كۆرپىلەر يىغىقلىق تۇراتتى.

يىغىلغۇچى

  • يىغىلغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەدرىجىي يىغىلىپ بارىدىغان، يىغىلىدىغان:[مىسال:] يىغىلغۇچى سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى.

يىغىلماق

  • يىغىلماق[يەشمىسى:] ① «يىغماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، ئازلا ۋاقىت ئىچىدە بەش مىڭ تەڭگىلىك مال يىغىلدى.[يەشمىسى:] ② «يىغماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ۋراچ ۋە سېسترالار ئوپېراتسىيە ئۈستىلىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.

يىغىلىش

  • يىغىلىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر پائالىيەت، ھەرىكەت ئۈچۈن توپلىنىپ جەم بولۇش؛ مۇراسىم، يىغىن:[مىسال:] ھەر شەنبە كۈنى ئوچۇق يىغىلىش بولغاندا، بۇ يەر ھەمىشە ئادەمگە لىق تولۇپ كېتەتتى.

يىغىلىشچان

  • يىغىلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان يىغىلىدىغان، يىغىلىش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك، تېز يىغىلىدىغان:[مىسال:] يىغىلىشچان خۇسۇسىيەت.

يىغىلىشچانلىق

  • يىغىلىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېز، ئاسان يىغىلىدىغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ يىغىلىشچانلىقى تازا كۈچلۈك ئەمەس.

يىغىلىشماق

  • يىغىلىشماق[يەشمىسى:] «يىغىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەيدان ئوتتۇرىسىدىكى سەھنىگە يىغىلىشتى.

يىغىم

  • يىغىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پىشقان زىرائەتلەرنى ئورۇپ، يىغىش ئىشى:[مىسال:] ئۇلار كۈزلۈك يىغىمدىن بېسىقىپلا توي قىلماقچى.[يەشمىسى:] ② زىرائەتلەر پىشىپ يىغىدىغان ۋاقىت، شۇ مەزگىل:[مىسال:] ئەمدىلا ئۇھ دەپ تۇرىشىمىزغا يازلىق يىغىم كەلدى، يەنە ئېتىزغا يۈگۈرمىسەك بولمىدى.

يىغىم-تېرىم

  • يىغىم-تېرىم[يەشمىسى:] دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يىغىش ھەم ئۇنىڭ ئورنىنى تېرىش قاتارلىق دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرى:[مىسال:] بىز كەنتنىڭ كۈزلۈك يىغىم-تېرىم ئەھۋالى ھەققىدە يېرىم سائەتچە پاراڭلاشتۇق.

يىغىم-سىرىم

  • يىغىم-سىرىم[يەشمىسى:] يىغىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر:[مىسال:] شەھەر ئەتراپىدا قىراۋ ئاستىدا قالغان كەنجى زىرائەتلىرىنى يىغىۋېلىشقا ئالدىراۋاتقان دېھقانلار ھە دەپ ئاخىرقى يىغىم-سىرىم ئىشى بىلەن بەند ئىدى.

يىغىن

  • يىغىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىغىلىش، مەجلىس:[مىسال:] ئۇلار رۇستەمنىڭ قورۇسىدا قەسەم بېرىش يىغىنى ئاچتى.

يىغىنچاق

  • يىغىنچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېلەڭسىز ئەمەس، رەتلىك؛ ئىخچام:[مىسال:] ئاھالىلار خېلى يىغىنچاق جايلاشقان بۇ يېزىدا بىرەر ئەھۋال يۈز بەرسە، بىرپەسنىڭ ئىچىدىلا ھەممەيلەن ئاڭلاپ بولۇشاتتى.

يىغىنچاقلاتماق

  • يىغىنچاقلاتماق[يەشمىسى:] «يىغىنچاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يىغىنچاقلاشماق

  • يىغىنچاقلاشماق[يەشمىسى:] ① «يىغىنچاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② يىغىنچاق ھالەتكە كەلمەك، يىغىنچاقلانماق.

يىغىنچاقلانماق

  • يىغىنچاقلانماق[يەشمىسى:] «يىغىنچاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنىڭدا مەزمۇن كۆپ يىغىنچاقلانغان.

يىغىنچاقلىق

  • يىغىنچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلەڭسىز ئەمەسلىك، ئىخچاملىق.

يىغىنچاقلىماق

  • يىغىنچاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىغىنچاق، ئىخچام ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ بارلىق يۈرەك سۆزىنى ئەنە شۇ بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغانىدى.

يىغىندى

  • يىغىندى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ بىر جايغا توپلانغان ھالىتى، توپلىمى، جەمئىيىتى:[مىسال:] قانۇنلار يىغىندىسى. قارارلار يىغىندىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىغىلغان، جەملەنگەن؛ قوشما؛ جەمئىي:[مىسال:] يىغىندى تەۋرىنىش. يىغىندى كۈچ. يىغىندى تېمپېراتۇرا. يىغىندى قار.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق سانلارنى قوشقاندا كېلىپ چىققان ئومۇمىي سان.

يىغىندىلىماق

  • يىغىندىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر تۈردىكى نەرسىلەرنى توپلاپ مۇئەييەن تەرتىپتە ئىخچاملاپ سىستېمىلىق ھالەتكە كەلتۈرمەك، توپلىماق، توپلاپ رەتكە سالماق:[مىسال:] ئۇلار يىڭچى بۇ ئاخباراتلارنى ئۈچ نۇقتىغا يىغىندىلىدى.[يەشمىسى:] ② ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سانلارنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدىغان نەتىجىسىنى تاپماق ياكى سانلارنى ئۆزئارا قوشماق، بىرلەشتۈرۈپ قوشۇپ نەتىجە چىقارماق.

يىغىۋېلىش

  • يىغىۋېلىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]يىغىپ+ئېلىش[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇن ياكى خەلق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج، ئاشلىق قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈۋېلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دۆلىتىمىزنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قانۇنغا خىلاپ يېنىكرەك جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورۇنلىرىغا يىغىپ، مەلۇم مۇددەت تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش ئورنى.

يىقىتماق

  • يىقىتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچ بىلەن ئۇرۇپ، تۈرتۈپ غۇلاتماق، ياتقۇزۇپ قويماق:[مىسال:] مىركېرەم ئۇنى يىقىتىپ قىلىچ سانجىدى.[يەشمىسى:] ② بۇزماق، ۋەيران قىلماق، ئۆرۈۋەتمەك، چۇۋۇپ تاشلىماق:[مىسال:] ئۆي يىقىتماق.[يەشمىسى:] ③ دەل-دەرەخ، زىرائەت قاتارلىقلارنى كېسىش، ئورۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن يەرگە ياتقۇزماق، يەرگە غۇلاتماق:[مىسال:] ئۇلار ئۈچ كۈندىلا پۈتۈن بىر مەيدان يەرنىڭ بۇغدىيىنى يىقىتىپ بولدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھوقۇقنى ئېلىپ تاشلىماق، ئەمەل-مەنسىپىدىن چۈشۈرمەك:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ قابىل ئىكەنلىكىمنى كۆرەلمەي، مېنى يىقىتماقچى.[يەشمىسى:] ⑤ ھالىدىن كەتكۈزمەك، روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە بېرىپ بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماق، ماغدۇرسىزلاندۇرماق:[مىسال:] ئۈستى-ئۈستىلەپ كەلگەن روھىي-ئازاب رەھىم سايىتنى يقىتتى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوقاتماق، ئۆلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ئوقياسى بىلەن تۆت چېرىكنى يىقىتتى. * ئۇلار بىر قېتىملىق ھەربىيئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى يىقىتتى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زىيانغا ئۇچراتماق؛ پۇل خەجلەشكە مەجبۇر قىلماق:[مىسال:] مېنى يىقىتتىلا-دە، ئابلىز خۇشخۇي كۈلۈمسىرىدى، بۈگۈن مەن مېھمان قىلاي، قېنى كېلىڭلار.

يىقىتىشماق

  • يىقىتىشماق[يەشمىسى:] «يىقىتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

يىقىتىلماق

  • يىقىتىلماق[يەشمىسى:] «يىقىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قاتتىق ئېلىشىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى قارشى تەرەپ يىقىتىلدى.

يىقىلماق

  • يىقىلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچ بىلەن ئۇرۇلۇش، تۈرتۈلۈش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن غۇلىماق، ئۆرۈلمەك، يېتىپ قالماق:[مىسال:] يېقىلغاننى يەر كۆتۈرەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋەزىپە، ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قالماق:[مىسال:] قاسىم يىقىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى يەنىلا ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئاسىم ئىگىلەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ماغدۇرسىزلىنىپ ھالىدىن كەتمەك:[مىسال:] ئوغلىنىڭ دەردىدە بىچارە ئانىمۇ ئۆزىنىڭ تېتىكلىكىنى يوقىتىپ، يىقىلىپ قالايلا دەپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەغلۇب بولماق، يېڭىلمەك، ئارقىدا قالماق:[مىسال:] قاسىم يىقىلغانغا تەن بېرىدىغان ئادەم ئەمەسئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھاياتلىقتىن ياكى مەۋجۇت بولۇشتىن مەھرۇم بولماق، يوقالماق:[مىسال:] چېۋەر قولدا ئاپتومات، سايرىماقتا «تا-تا-تات». يىقىلماقتا دۈشمەنلەر، مەرگەنلەرنىڭ كۆڭلى شاد.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم مىقداردا پۇل خەجلەشكە توغرا كەلمەك، زىيان تارتماق:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىم ئاز كەم مىڭ يۈەنگە يىقىلغانىدى.

يىقىلىپ-سوقۇلۇپ

  • يىقىلىپ-سوقۇلۇپ[يەشمىسى:] يىقىلىپ ۋە سوقۇلۇپ، ئومۇمەن شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا يولۇقۇپ:[مىسال:] نەسىبە خۇددى يارىلانغان كېيىكتەك يىقىلىپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ سابىرنىڭ يېنىغا قېچىپ كەلدى.

يىقىلىپ-قوپۇپ

  • يىقىلىپ-قوپۇپ[يەشمىسى:] يىقىلىپ يەنە قوپۇپ، يەنە يىقىلسا يەنە قوپۇپ:[مىسال:] ئۇ كەلگۈچە بىرنەچچە قېتىم يېقىلىپ-قوپۇپ، خېلى تەستە كەلگەنىدى.

يىقىلىشماق

  • يىقىلىشماق[يەشمىسى:] «يىقىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىرنەچچىسى تەڭلا يىقىلىشتى.

يىك

  • يىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ ئېگىرىش ئۈچۈن چىداملىق، قاتتىق ياغاچتىن قىرىپ ياسالغان ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق سايمان.

يىك باسماق

  • يىك باسماق[يەشمىسى:] «چاك باسماق»قا قاراڭ.

يىكتەك بولۇپ كەتمەك

  • يىكتەك بولۇپ كەتمەك[يەشمىسى:] قىلىق-ھەرىكىتى مۇلايىملىشىپ قائىدىلىك، ئەدەپلىك، قائىدە-نىزاملارغا بويسۇنىدىغان ھالغا كەلمەك، ئەخلاقلىق بولماق، ئەدەپ-قائىدىلىك بولماق:[مىسال:] ئۇ بالا تۇردى بوۋاينىڭ قولىدا ئىككى ئاي ئىچىدىلا يىكتەك ئادەم بولۇپ كەتتى.

يىكچى

  • يىكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن يىك قىرىدىغان، يىك ياسايدىغان ئۇستا.

يىكچىلىك

  • يىكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىك ياساش، يىك قىرىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئۇنىڭ يىكچىلىكتە يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەنىدى.

يىكدان

  • يىكدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرۈم چاقتا تالام ناچىلىرىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۆمۈر يىكلەر ئورنىتىلغان ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى جازا.

يىگ

  • يىگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم يۆنىلىشتە سوزۇلغان نەرسىنىڭ تالاسى، ھەربىر قاتلام يولى، قاتلىمى:[مىسال:] ئوتۇننىڭ يىگىنى تېپىپ تۇرۇپ يارمىسا يېرىلمايدۇ، پالتىنى ئوتۇننىڭ يىگىگە ئۇرۇش كېرەك.

يىگلەتمەك

  • يىگلەتمەك[يەشمىسى:] «يىگلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

يىگلەش

  • يىگلەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① سۈيى قېچىپ قورۇلۇپ، پۈرلىشىپ قالغان، قورۇلۇپ قالغان:[مىسال:] يىگلەش پېلەك. يىگلەش چۆپ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورۇقلاپ جۈدەپ كەتكەن، ئورۇق، ئەتسىز:[مىسال:] سەندەك يىگلەش بەل، تەمبۈر قورساق بولغۇچە سەل سېلىنچىلىق بولغانمۇ تۈزۈك، دېدى ئۇ چىنىدىكى قورۇمىغا مەنسىتمىگەن ھالدا قارىۋېتىپ.

يىگلەشمەك

  • يىگلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «يىگلىمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ يىگلىشىپ كەتكەن بىر تۈپ پېلەكنى تارتىپلا يۇلۇۋەتتى.

يىگلىمەك

  • يىگلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۈيى قېچىپ، قورۇلۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇ يىگلەپ قالغان ھەربىر مېۋىگە ئىچ ئاغرىتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۈدەپ ئورۇقلاپ كەتمەك:[مىسال:] بىچارە يىگلەپ قورايدەك بولۇپ قالغانىدى.

يىگىت

  • يىگىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جىنسىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئەر، ئەركەك كىشى:[مىسال:] ھەلىمىخان پاسىل تامدىن ئاتلاپ چۈشتى، يىگىتلەر ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.[يەشمىسى:] ② ئوغۇل پەرزەند، ئوغۇل بالا:[مىسال:] - ئەمدى بىر يىگىتكە ئاتا بولدۇم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قەيسەر، باتۇر، يۈرەكلىك ئادەم ياكى شۇنداق ئەركەك:[مىسال:] بىر ئىشقا بەل باغلاپ يېرىم يولدىن قايتقان كىشىنى يىگىت دېگىلى بولامدۇ[يەشمىسى:] ④ شەخس بىلەن تۈرلىنىپ «قىزنىڭ سۆيگەن كىشىسى، يارى، لايىقى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ قارىغۇدەك بولسا، دېگەندەك ئۆزىنىڭ يىگىتى ئىكەن.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر قوشۇنغا مەنسۇپ بولغان ئەر كىشى:[مىسال:] ئاسىم ئۆزىنىڭ پارتىزان يىگىتلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ⑥ ئۆزىگە نىسبەتەن ياش، ياش جەھەتتىن كىچىك بولغان ئەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىش، چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] ئەمىر باھاۋۇدۇن ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ سورىدى: ئەي يىگىت سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرۈشكە يول قويمىدىڭ

يىگىت قولدىشى

  • يىگىت قولدىشى[يەشمىسى:] تويدا تويى بولغان يىگىتكە ھەمراھ بولۇشقا بەلگىلەنگەن ئوغۇل.

يىگىتنىڭ گۈلى

  • يىگىتنىڭ گۈلى[يەشمىسى:] يىگىتلەرنىڭ ئەڭ ياراملىقى، ئەڭ ئېسىلى:[مىسال:] سەن يىگىتلەرنىڭ گۈلى سەن-دە، گۈلى دېدى ئۇ ئالىمغا زوقلىنىپ.

يىگىتۋېشى

  • يىگىتۋېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يىگىت+باش+ى[[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك مەرىكە، بەزمە، مەشرەپ، ئولتۇرۇشلاردا شۇ سورۇننى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇپ، تەڭشەپ تۇرۇشقا بەلگىلەنگەن ئەر، يىگىتلەرنىڭ سەردارى:[مىسال:] قىز سورۇنغا چۈشكەندە، يىگىتۋېشى ئۇنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئۆيلىنىدىغان يىگىتكە توي جەريانىدا ئەر-خوتۇنچىلىق ئىشلىرى ھەققىدە تەربىيە بېرىدىغان كىشى.

يىگىتچە

  • يىگىتچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىگىتكە خاس، يىگىتكە ئوخشاش:[مىسال:] ئۇنىڭدىن شىپا تاپقان بوۋاي ئېيتار:[مىسال:] «دۇنيادا يەنە تالاي ياشار بولدۇم. يىگىتچە قۇۋۋەت كىردى بىلىكىمگە، سۆزسىزكى، يۈز ياشلاردىن ئاشار بولدۇم».

يىگىتچىلىك

  • يىگىتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىگىتلەرگە خاس غۇرۇر، قىلىق-ھەرىكەت؛ يىگىتلىكتە بولىدىغان تۈرلۈك ھەرىكەت، يۈرۈش-تۇرۇش.

يىگىتلىك

  • يىگىتلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىگىتلەرگە خاس، يىگىتلەردە بولىدىغان، قەيسەر، جەسۇر:[مىسال:] ئۇنىڭ يىگىتلىك غۇرۇرى ئۇنى ئالدىغا سۆرەپ ماڭاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىگىت يېشىدىكى، يىگىت باسقۇچىدىكى:[مىسال:] يىگىتلىك چاغ. يىگىتلىك دەۋر. يىگىتلىك مەزگىل.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىگىتلەرگە خاس بولغان مەردانىلىك، باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق، جاسارەت:[مىسال:] ئوغلۇڭ چوڭ بولسا يىگىتلىكىڭنى ئالار، قىزىڭ چوڭ بولسا چوكانلىقىڭنى ئالار (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەمنىڭ ياش، ئېسىل ۋاقتى:[مىسال:] نادانلىق ئېلىپ كەتتى، يىگىتلىكتە باشىمنى. مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكىن، ھاشىمدەك ئاداشىمنى.

يىگىرمە

  • يىگىرمە[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئوننىڭ ئىككى قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، 19 دىن چوڭ، 21 دىن كىچىك بولغان سان. «20» رەقىمى:[مىسال:] يىگىرمە سەر كۈمۈش.

يىگىرمە تۆت مەۋسۇم

  • يىگىرمە تۆت مەۋسۇم[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] يەر شارى قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندا ھاسىل بولغان مەۋسۇملەر. بۇلار: 1) باش باھار 2) ئەگىز سۈيى 3) جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى 4) ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىكى 5) چوكانتال 6) قىزىلكوس 7) باش ياز 8) سەرەتان ئىسسىقى 9) ئورما ۋاقتى 10) يازلىق كۈن-تۈن توختىشى 11) باش تومۇز 12) تومۇز 13) باش كۈز 14) كۈزگى تېرىم 15) ئاق شەبنەم 16) كۈزلۈك كۈن تۈن-تەڭلىكى 17) سوغۇق شەبنەم 18) قىرو چۈشۈكى 19) باش قىش 20) سېرىق قار 21) ئاق قار 22) قىشلىق كۈن-تۈن توختىشى 23) قارا سوغۇق 24) قاپاقياردى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ مەۋسۇملەر ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دېھقانچىلىق پەسىللىرىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىگىرمىنچى

  • يىگىرمىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] سان تەرتىپى ياكى دەرىجە جەھەتتىن 19-دىن كېيىن، 21-دىن بۇرۇن تۇرىدىغان، سان تەرتىپى «20» رەقىمى بىلەن ئىپادىلەنگەن:[مىسال:] 20-نومۇرلۇق ياتاق.

يىگىنە

  • يىگىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلاققا ئاسىدىغان ھالقا، ساپاق:[مىسال:] يارىمنىڭ قۇلاقىغا، يىگىنە بولاي دەيمەن. ئوڭ يانىمغا چاچ قويۇپ، دىۋانە بولاي دەيمەن.

يىڭ

  • يىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيىنىڭ شتات بىرلىكى. تۇەننىڭ ئاستىدا بولىدۇ. ئۇنىڭغا بىرقانچە ليەن قارايدۇ. تۇەنگە قارىمايدىغان يىڭ مۇستەقىل يىڭ دەپ ئاتىلىدۇ.

يىڭجاڭ

  • يىڭجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] يىڭنى باشقۇرىدىغان ھەربىي ئەمەلدار.

يىڭگىلىك

  • يىڭگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك قىزلارنىڭ ئېسىشى ئۈچۈن ياسالغان ھالقا:[مىسال:] ئۇ ھېپىزەمنىڭ قۇلىقىدىكى سەھنە سۆكىسىنى ئاستا ئېلىۋېتىپ، كۆمۈش يىڭگىلىكنى سېلىپ قويدى.

يىڭناسقۇ

  • يىڭناسقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يىڭنە+ئاس+قۇ[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل كۆز كېسەللىكى. قاپاقنىڭ چۆرىسىدىكى كىرپىككە يېقىن جايدا ئۇششاق دانىچىسىمان نەرسىلەر چىقىپ، مەلۇم جاي قىزىرىدۇ ۋە ئىششىيدۇ.

يىڭناغۇچ

  • يىڭناغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنى ئىنچىكە، ئۇزۇنچاق، كۆكرەك قىسمىنىڭ كەينى تەرىپىدە ئىككى جۈپ پەردىسىمان قانىتى بار. ئېگىز ئۇچالايدۇ. سۇدا ياشايدۇ، پايدىلىق قۇرت.

يىڭنە

  • يىڭنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈر قاتارلىق مېتاللاردىن ياسالغان، بىر تەرىپى ئۇچلۇق ھەم ئۆتكۈر، يەنە بىر تەرىپى تومراق ھەم يىپ ئۆتكۈزگۈدەك تۆشۈك ئېچىلغان، تىكىش سايمىنى:[مىسال:] يىڭنە كىچىك بولسىمۇ يۇتقىلى بولماس (ماقال).

يىڭنىزىرە

  • يىڭنىزىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يىڭنە+زىرە[[يەشمىسى:] ئالتۇندىن گۈل چىقىرىپ ياسالغان، قۇلاققا سالىدىغان زىننەت بۇيۇمى.

يىڭنىلىك

  • يىڭنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يىڭنىسى بار، يىڭنە بېكىتىلگەن:[مىسال:] يىڭنىلىك تاختا.[يەشمىسى:] ② يىڭنە ياساشتا بولىدىغان:[مىسال:] بەش يىڭنىلىك سىم.

يىڭنىمىخ

  • يىڭنىمىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يىڭنە+مىخ[[يەشمىسى:] ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋىدە كىچىك قالپىقى بار كىچىك مىخ.

يىل

  • يىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش مۇددىتى؛ يەنى ئون ئىككى ئايغا تەڭ ۋاقىت:[مىسال:] يىل بېشى. يىل ئوتتۇرىسى. يىل ئاخىرى. * بىر مىڭ توققۇز يۈز توقسان يەتتىنچى يىل.[يەشمىسى:] ② بىرەر ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ئۆتكەن ئون ئىككى ئايلىق ۋاقىت:[مىسال:] ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرگىلى ئۈچ يىل بولدى.[يەشمىسى:] ③ ئون ئىككى ئايلىق ۋاقىت بىلەن ھېسابلىنىدىغان كالېندار سىستېمىسى:[مىسال:] يېڭى يىل. مىلادىيە يىلى. ھىجرىيە يىلى. شەمسىيە يىلى. قەمەرىيە يىل ھېسابى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] بىرەر پلانېتىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ ئۆتۈش مۇددىتى:[مىسال:] مارس يىلى. يۇپىتېر يىلى.[يەشمىسى:] ⑤ مۈچەل يىل ھېسابىدىكى ئون ئىككى مۈچەلنىڭ ھەربىرى:[مىسال:] قوي يىلى. ئات يىلى.[يەشمىسى:] ⑥ كىشى ئۆلگەندىن كېيىن، بىر يىل توشقاندا بېرىلىدىغان نەزىر:[مىسال:] يىلىنى قىلماق. يىلىنى بەرمەك.[يەشمىسى:] ⑦ كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ، مۇئەييەن تەرتىپ سانلاردىن كېيىن كېلىپ، ئون يىللىق مۇددەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] ئوتتۇزىنچى يىللار. سەكسىنىنچى يىللار.

يىلدىن-يىلغا

  • يىلدىن-يىلغا[يەشمىسى:] يىللار ئۆتكەنسېرى، ۋاقىت ئۆتكەنچە:[مىسال:] ھازىر دېھقانلار يىلدىن-يىلغا بېيىۋاتىدۇ.

يىلان

  • يىلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچى ھايۋان. تېنى يۇمىلاق ھەم ئىنچىكە، ئۇزۇن بولىدۇ، تەڭگىچىلىرى بولىدۇ، پۇتى بولمايدۇ. بەزىلىرى زەھەرلىك، بەزىلىرى زەھەرسىز كېلىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 12 مۈچەلنىڭ بىرى، يەنى مۈجەل يىل ھېسابىدىكى ئالتىنچى يىل : يىلان يىلى.

يىلان باغرى

  • يىلان باغرى[يەشمىسى:] يىلاننىڭ بېلىنى تولغاپ ماڭغان ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش، تولغىماچ:[مىسال:] يىلان باغرى يول.

يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيىدىغان

  • يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيىدىغان[يەشمىسى:] ناھايىتى ھوشيار، سەزگۈر:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزى يەتتە قات يەرنىڭ تېگىدىكى يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيۇپ تۇرىدىغان سىيىت ھاجىغا ناھايىتى تېزلا تەسىر قىلدى.

يىلانبېلىق

  • يىلانبېلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يىلان+بېلىق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تېنى يىلانغا ئوخشاش بولۇپ، تەڭگىچىلىرى بولمايدۇ. رەڭگى سارغۇچ كۈل رەڭ كېلىدۇ. ئۈستىدە قارا رەڭلىك سەپكۈنلىرى بولىدۇ. سۇ بويىدىكى پاتقاقلىقلاردا ياشايدۇ.

يىلان-چايان

  • يىلان-چايان[يەشمىسى:] يىلان ۋە چايان، ئومۇمەن يىلان ۋە چايان تىپىدىكى زەھەرلىك ئۆمىلىگۈچىلەر.

يىلانچى

  • يىلانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىلان باققۇچى ياكى ئويناتقۇچى كىشى.

يىلانلىق

  • يىلانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يىلان ماكانلاشقان، يىلان كۆپ جاي. [يەشمىسى:] ② توقسۇن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

يىلانئوت

  • يىلانئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]يىلان+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يىلانئوت ئائىلىسىدىكى سۇغا چۆكۈپ ئۆسىدىغانسامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى كۆپ شاخلىنىدۇ، غولىدا شالاڭ تىكەنلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقىدىمۇ تىكەنلىرى بولىدۇ. گۈلى تاق جىنسلىق، ئاتىلىق-ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە. مېۋىسى سوقىچاق. يېشىل ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ.

يىلپىز

  • يىلپىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. يولۋاسقا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن كىچىكرەك بولىدۇ. تېنىدە نۇرغۇن تەڭگىسىمان داغلىرى ياكى يوللىرى بولىدۇ. ۋەھشىيكېلىدۇ، دەرەخكە چىقالايدۇ، باشقا ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئادەم ۋە چارۋىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. تۈرلىرى كۆپ.

يىلتىز

  • يىلتىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋېگېتاتىۋ ئەزاسى. ئۇ «ئوق يىلتىز» ۋە «چاچما يىلتىز» دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يىلتىز ئۆسۈملۈكنى تۇپراققا مۇقىم تۇرغۇزالايدۇ، تۇپراقتىكى سۇ ۋە سۇدا ئېرىگەن ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىدۇ. بەزى يىلتىزلار يەنە ئۆزىدە ئوزۇقلۇقنى زاپاس ساقلىيالايدۇ.[يەشمىسى:] ② چىش، چاچ، تىرناق قاتارلىقلارنىڭ تېرە ياكى ئەت ئارىسىدىكى جايلاشقان قىسمى، تومۇرى:[مىسال:] چىشنىڭ يىلتىزى. چاچنىڭ يىلتىزى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزنىڭ ئاساسلىق، تۈپكى قىسمى:[مىسال:] سۆز يىلتىزى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئاساسى، نېگىزى:[مىسال:] يىلتىزىدىن قۇرۇتماق.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەندە، ئۆز-ئۆزىگە كۆپەيتىلگەندە بېرىلگەن ساننى ھاسىل قىلىدىغان سان؛ رادىكال:[مىسال:] توققۇزنىڭ كۋادرات يىلتىزى ئۈچ.

يىلتىز تارتماق

  • يىلتىز تارتماق[يەشمىسى:] مۇستەھكەم ئورۇنلاشماق، ئورۇنلىشىپ روناق تاپماق:[مىسال:] ئەگەر مۇشۇ يەردە يىلتىز تارتىپ قالسىڭىز، سىزنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەتتۇق، بوستان چاچلىرىڭىزغا گۈل قىستۇرۇپ قوياتتۇق.

يىلتىز چىقىرىش

  • يىلتىز چىقىرىش[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر ساننىڭ يىلتىزىنى تېپىش ئەمىلى، يەنى دەرىجىگە كۆتۈرۈشنىڭ تەتۈر ئەمىلى.

يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماق

  • يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماق[يەشمىسى:] ئەسلى-نەسلىدىن تارتىپ يوقاتماق، ئۈزۈل-كېسىل يوق قىلماق.

يىلتىزىدىن قۇرۇتماق

  • يىلتىزىدىن قۇرۇتماق[يەشمىسى:] «يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] كۈنچىقىشتىن كۈن چىقتى، يۇرتىمىزنى يورۇتتى. بىزنى ئەزگەن زالىمنى، يىلتىزىدىن قۇرۇتتى.

يىلتىزىغا پالتا چاپماق

  • يىلتىزىغا پالتا چاپماق[يەشمىسى:] قاتتىق زەربە بەرمەك، ھالاكەتكە يۈزلەندۈرمەك:[مىسال:] خەلقىمىز بىر كۈنى بولمىسا بىركۈنى كۆتۈرۈلۈپ، جاھالەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپماي قويمايدۇ، دېدى پەرھات گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.

يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىماق

  • يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىماق[يەشمىسى:] ھاياتىنى قورۇتماق، يوق قىلماق:[مىسال:] ئۇلار كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىدى.

يىلتىزىنى قۇرۇتماق

  • يىلتىزىنى قۇرۇتماق[يەشمىسى:] «يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] سەن ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلمەيسەن. ئۇ بىرى بىلەن ئېيتىشىپ قالسا، يىلتىزىنى قۇرۇتمىغىچە توختىمايدۇ.

يىلتىزىنى قىرقىماق

  • يىلتىزىنى قىرقىماق[يەشمىسى:] «يىلتىزىغا پالتا چاپماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ھازىر بۇ يەردە بەگنىڭ يىلتىزىنى قىرقىيدىغان يىگىتلەر پەيدا بولدى.

يىلتىزداش

  • يىلتىزداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىلتىزى بىر، بىر يىلتىزدىن كەلگەن:[مىسال:] يىلتىزداش سۆزلەر.

يىلتىزسىز

  • يىلتىزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىلتىزى يوق، يىلتىز تارتمىغان.

يىلتىزسىمان

  • يىلتىزسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىلتىزغا ئوخشايدىغان، يىلتىزغا ئوخشاش:[مىسال:] يىلتىزسىمان غول.

يىلتىزلىق

  • يىلتىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يىلتىزى بار، يىلتىز تارتقان:[مىسال:] يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەينى چاغدىكى ياش كۆچەت ئەنە شۇنداق چوڭقۇر يىلتىزلىق دەرەخكە ئايلانغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] يىلتىز بەلگىسى بار، يىلتىز بەلگىسى ئىچىگە ئېلىنغان:[مىسال:] يىلتىزلىق ئىپادە.

يىلتىزلىماق

  • يىلتىزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىلتىز تارتماق:[مىسال:] ئانا يۇرتتا يىلتىزلىدى بۇ كۆچەت، بولدى ياشلىق مېھنىتىمنىڭ زىننىتى.

يىلداش

  • يىلداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوخشاش بىر يىلدا تۇغۇلغان، يېشى تەڭ بولغان كىشىلەر.

يىلسايىن

  • يىلسايىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يىللار ئۆتكەنسېرى، يىلدىن-يىلغا، ۋاقىت ئۆتكەنچە:[مىسال:] بۇ يەرلەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقى يىلسايىن تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى.

يىلسېرى

  • يىلسېرى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «يىلدىن-يىلغا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ تۆت يىلدىن بېرى خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەپ، كەسىپتە يىلسېرى ئىلگىرىلىدى.

يىلسىز

  • يىلسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يىل ئۆتمەي تۇرۇپ، يىلغا توشماي تۇرۇپ، يىل بولماي تۇرۇپ:[مىسال:] بۇلار ئەمدى يەنە ئون يىلسىز ئۆز ئەكسىگە كېلەلمىسە كېرەك.

يىلقا

  • يىلقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>چارۋىچىلىق<[يەشمىسى:] ئات پادىسى؛ دالىدا بېقىلىدىغان ئات:[مىسال:] يىلقا باقماق.

يىلقىچى

  • يىلقىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىلقا باقىدىغان ئادەم.

يىلقىچىلىق

  • يىلقىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىلقا بېقىش ئىشى، يىلقا بېقىش كەسپى.

يىللاپ

  • يىللاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يىل بويى، يىل ۋە يىللار داۋامىدا؛ بىرنەچچە يىل:[مىسال:] يەرلەر ھۆددىگە بېرىلگەندىن كېيىن، يىللاپ بىر تىيىن پۇل كۆرمىگەن دېھقانلارنىڭ قولىغا پۇل كىرىپ، قورسىقى تويۇپ، كىيىم-كېچىكى يېڭىلاندى.

يىللىق

  • يىللىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر يىلغا مۆلچەرلەنگەن؛ بىر يىل ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ياكى بولىدىغان ئەھۋاللارغا ئائىت، كۆرسىتىلگەن يىلغا، شۇ يىلدىكى ئەھۋال-ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك:[مىسال:] ئۇ چاغدا بىزلەردىن يىللىق ئىمتىھان ئېلىنىۋاتاتتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىقدار ۋە ساننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ «شۇنچە يىلغا مۆلچەرلەنگەن؛ شۇنچە يىل داۋام قىلىدىغان ياكى قىلغان؛ شۇنچە يىل بولغان» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئاخىرى مېنىڭ ئۈچ يىللىق ئوقۇش ۋاقتىم توشۇپ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن يىل چەكلىمىسى ئاساسىدا بۆلۈنگەن دەرىجە ئايرىمىسى:[مىسال:] 92-يىللىق ئۇيغۇر تىلى سىنىپى. 3-يىللىق 2-سىنىپ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىل بويى سەرپ قىلغان مېھنىتى، ئەمگىكى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ھەق، مائاش:[مىسال:] قوناق بىلەن يارچەنگە، بىر يىللىقىم كېتىدۇ. يەتتە يىللىق ئىش ھەققىم، ماڭا پۈتۈن قايتىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر تارىخىي ۋەقە ياكى ھادىسىنىڭ كۆرسىتىلگەن ياكى سۆزلەنگەن يىلغا توشقانلىق خاتىرە كۈنى ياكى خاتىرە يىلى:[مىسال:] ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ل. مۇتەللىپ ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى.

يىللىقچى

  • يىللىقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇزۇن مۇددەتلىك ياكى يىللىق توختام بويىچە باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان كىشى، مەدىكار، خىزمەتكار.

يىللىماق

  • يىللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىلنى ئۆتكۈزمەك، يىلنى ئاخىرلاشتۇرماق، يىلنى چىقارماق، يىل بويى تۇرۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇ خەتتە ئاقسۇدا يىللايدىغانلىقىنى، ھازىرچە يۇرتقا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.

يىلمۇيىل

  • يىلمۇيىل[يەشمىسى:] ھەر يىلى، يىللار بويى، يىللارنىڭ ھەممىسىدە؛ ئۇدا، داۋاملىق:[مىسال:] بۇ كەنتتە ئالمىدىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىندى.

يىلنامە

  • يىلنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يىل تەرتىپى بويىچە يېزىلغان ۋەقە-ھادىسىلەر تارىخى؛ يىل تەرتىپى بويىچە يېزىلغان تارىخىي خاتىرىلەر:[يەشمىسى:] بۇ يەردە ئېرادىن مىڭ يىل ئىلگىرى، ئۇيغۇ[مىسال:] رلار يىلنامە ياراتقانىدى. ئۆزىنىڭ يېزىقى، ئېلىپبەسىنى، جىمى ئەل ئىچىگە تاراتقانىدى.

يىلنامىلىق

  • يىلنامىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىلنامە قائىدىسى بويىچە يېزىلغان، يىلنامە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يىلنامىگە ئوخشاش تەرتىپتە، يىل رېتى بويىچە يېزىلغان:[مىسال:] يىلنامىلىق خاتىرە.

يىلىك

  • يىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] سۆڭەك ئىچىدىكى كاۋاكچىلارغا تولۇپ تۇرغان يۇمشاق توقۇلما. قىزىل يىلىك ۋە سېرىق يىلىك دەپ بۆلۈنىدۇ. قىزىل يىلىك قان ئىشلەپچىقىرىش رولىغا ئىگە. بەزى جانلىقلارنىڭ يىلىكىنى ئىستېمال قىلغىلى ۋە ئۇنىڭدىن ماي ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.

يىلىكى توشماق

  • يىلىكى توشماق[يەشمىسى:] ① كۈچ-قۇۋۋەتتە ۋايىغا يەتمەك، ساغلام يېتىلمەك. [يەشمىسى:] ② پۇل-مېلى، ئىقتىسادىي كۈچى زورايماق، ئاشماق؛ ئۇلى چىڭىماق.

يىلىكى توق

  • يىلىكى توق[يەشمىسى:] ① تېمەن، ساغلام، كۈچ-قۇۋۋىتى بار:[مىسال:] باينىڭ بالىسى ئەمەسمۇ يىلىكى توق-دە.[يەشمىسى:] ② پۇل-مېلى، ئىقتىسادىي كۈچى بار، ئىقتىسادىي ئاساسى ئۇللۇق:[مىسال:] پۇلىمىزنى بەرگەن بولساڭلار، دېدى بوۋاي كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، يىلىكىمىز توقراق بولار ئىدى.

يىلىكىدە سۇ ئىچمەك

  • يىلىكىدە سۇ ئىچمەك[يەشمىسى:] ① قاتتىق زەربە بەرمەك، ۋەيران قىلماق، ھالاك قىلماق:[مىسال:] تىلىۋالدىنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىمەن! − دېدى قۇبدۇن زەھەرخەندىلىك بىلەن، − مېنىڭدىن ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرەي ئۇنىڭ...[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ كۈچىدىن نومۇسسىزلارچە پايدىلانماق، باشقىلارنىڭ پايدا-مەنپەئىتىنى پەسكەشلەرچە ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەتمەك:[مىسال:] ئۇنداق خەقنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىدىغان پىخسىقتىن ئالمىغان پۇلنى كىمدىن ئالىمىز؟

يىلىكى سۇيۇق

  • يىلىكى سۇيۇق[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋىتى ئاز، ماغدۇرسىز، ئاجىز، ساغلام ئەمەس.

يىلىكى شورلۇق

  • يىلىكى شورلۇق[يەشمىسى:] «شور پېشانە»گە قاراڭ:[مىسال:] مېنىڭ يىلىكىم شورلۇق، مۇشۇ ئىشنىمۇ مەن قىلماي، باشقا بىرىڭلار قىلىڭلار، دېدى ئۇ نارازى بولغاندەك قىلىپ.

يىلىكىنى چاقماق

  • يىلىكىنى چاقماق[يەشمىسى:] ۋەيران قىلماق، ئەبجىقىنى چىقارماق، ھالسىزلاندۇرۇپ كاردىن چىقارماق، كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئايرىماق.

يىلىكىنى شورىماق

  • يىلىكىنى شورىماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئەزمەك، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماق، بوزەك قىلىپ ئەمگىكىدىن ئۆزى بىلگەنچە پايدىلانماق:[مىسال:] ھايانكەشلەر خەلقنىڭ يىلىكىنى شوراش ئۈچۈن تۈرلۈك شۇملۇقلارنى قىلاتتى.

يىلىكىنى قۇرۇتماق

  • يىلىكىنى قۇرۇتماق[يەشمىسى:] ئەسلى-نەسلىنى يوق قىلماق، ۋەيران قىلماق:[مىسال:] قۇرغاقچىلىق بولسا، ئەل-يۇرتنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتۇشقا باشلاپتۇ.

يىلىكى ئۈزۈك

  • يىلىكى ئۈزۈك[يەشمىسى:] ① تېنى ساغلام ئەمەس، بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىز، ماغدۇرى كەم. [يەشمىسى:] ② ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز، تۇرمۇش كەچۈرۈشى تەس، كەمبەغەل، نامرات.

يىلىكى ئۈزۈلمەك

  • يىلىكى ئۈزۈلمەك[يەشمىسى:] ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالماق، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ناچارلاشماق، نامراتلاشماق:[يەشمىسى:] قېيناتامنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىمىز، يەتتە , قىرىق نەزىرلىرىنى بېرىمىز دەپ، يىلىكىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.

يىمىرمەك

  • يىمىرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① خېمىر قاتارلىقلارنى قول بىلەن مۇجۇپ ئەيلىمەك، پىشۇرماق:[مىسال:] خېمىرنى يىمىرمەك.[يەشمىسى:] ② قاتتىق نەرسىلەرنى قول ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەسۋابلار بىلەن سىقىپ، مۇجۇپ ئېزىپ ئۇۋىماق، ئېزىلگەن، مۇجۇلغان، ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ دېڭىز ساھىلىدا ئولتۇرۇپ، بىر قولى بىلەن تاشنى يىمىرىپ ئۇۋاپ، يەنە بىر قولىنى قۇمغا پاتۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ قاش-كۆز، لەۋ قاتارلىق ئەزالارنى پۈرۈشتۈرمەك، پۈرمەك ياكى يېنىك تۈرمەك:[مىسال:] ھە، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ − دەپتۇ شاھ قاشلىرىنى يىمىرىپ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاغدۇرماق، يوقاتماق، ئاجىزلاشتۇرماق، [يەشمىسى:] غۇلاتماق، ۋەيران قىلماق:[مىسال:] بىز ئاخىرى فېئودالىزم تۈزۈمىنى يىمىرىپ تاشلىدۇق.

يىمىرىشمەك

  • يىمىرىشمەك[يەشمىسى:] «يىمىرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئارغامچىنى يىمىرىشمەك. خېمىرنى يىمىرىشمەك. تاشلارنى يىمىرىشمەك. لەۋلىرىنى يىمىرىشمەك.

يىمىرىلمەس

  • يىمىرىلمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇستەھكەم، مەزمۇت، يېڭىلمەيدىغان، ئاغدۇرۇلمايدىغان، غالىب:[مىسال:] بىز يىمىرىلمەس كۈچ بولۇپ ئۇيۇشتۇق، − دېدى ئەنۋەر جىددىي ھالدا.

يىمىرىلمەك

  • يىمىرىلمەك[يەشمىسى:] ① «يىمىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەشرەپ بوۋاينىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، قېلىن كالپۇكلىرى كۈلكىدىن يىمىرىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاجىزلاشماق، ھالىدىن كەتمەك، ۋەيران بولماق، يوقالماق:[مىسال:] تاملارمۇ خارابىدەك بولۇپ كەتكەن، سۇۋاقلىرى پۈتۈنلەي چۈشۈپ، يىمىرىلىشكە باشلىغانىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋەيران بولماق، يوقالماق، ئاغدۇرۇلماق:[مىسال:] فېئوداللىق تۈزۈمى يىمىرىلدى.

يىمىرىلىش

  • يىمىرىلىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۇزۇن مۇددەتلىك شامالنىڭ يالىشى، ئاپتاپتا قېلىش، ھۆل-يىغىنلارنىڭ نەمدەپ يالىشى، ئورگانىزملارنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق تەسىرلەر نەتىجىسىدە، يەر پوستىنىڭ يۈزىدىكى ۋە يەر پوستىنى تەشكىل قىلغان ھەر خىل تاغ جىنسلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ۋەيران بولۇشى ياكى ئۆزگىرىپ كېتىشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بىر ئاتوم يادروسىنىڭ ماسسىلىرى ئوخشاشراق بولغان ئىككى يادروغا بۆلۈنۈش جەريانى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپ نۇكلىدلارنىڭ رادىئوئاكتىپ زەررىچىلەرنى رادىئاتسىيىلەپ چىقىرىش ئارقىلىق باشقا بىر خىل نۇكلىدقا ئۆزگىرىش جەريانى، تۇراقسىز ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن يېڭى زەررىچىلەرگە ئۆزگىرىش جەريانىمۇ يىمىرىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كرستال ھىدراتلارنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا ۋە قۇرغاق ھاۋادا كرستال سۈيىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يوقىتىش ھادىسىسى.

يىن

  • يىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ قېرىنى ئىچىدىن چىقىدىغان پوق، گەندە.