ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

11 ز 🔗

ز

زابوي

زاپاس

زاپچاس

زاپخوز

زاپخوزلۇق

زاپونكا

زات

زاتەن

زاتور

زاتىل

زاخا

زادى

زار

زاراتگاھ

زاراتگاھلىق

زاراتلىق

زاراخەتمە

زاراڭزا

زاراڭزىلىق

زار-زار

زارلاتماق

زارلاشماق

زارلانماق

زارلىق

زارلىماق

زارۇزار

زارىقتۇرماق

زارىقماق

زارىقىشماق

زاسۈي

زاسۈيپەز

زاسۈيپەزلىك

زاسۈيچى

زاسۈيچىلىك

زاسۈيخانا

زاسېداتىل

زاسېداتىللىق

زاغ

زاغرا

زاغرا تىل

زاغرىچى

زاغزاق

زاغزاقلىق

زاغ-زۇغۇن

زاغۇن

زاغۇن باش

زاغۇنلۇق

زاقا

زاك

زاكا

زاكا قېرىسى

زاكات

زاكاتچى

زاكاز

زاكازچى

زاكالەت

زاكون

زاكونچى

زاكونچىلىق

زاكونلاشماق

زاكۇ

زاكۇسكا

زاكىلاتماق

زاكىلاشماق

زاكىلاقسىز

زاكىلاقلىق

زاكىلانماق

زاكىلىق

زاكىلىماق

زاڭⅠ

زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن

زاڭⅡ

زاڭ مال

زاڭⅢ

زاڭزۇ

زاڭزۇچە

زاڭگا

زاڭگۇل-زۇڭگۇل

زاڭلاشتۇرماق

زاڭلاشتۇرۇلماق

زاڭلاشماق

زاڭلىق

زالⅠ

زالⅡ

زالالەت

زالىم

زالىملىق

زاماسكا

زاماسكىلاتماق

زاماسكىلاشماق

زاماسكىلانماق

زاماسكىلىماق

زامان

زامان كاتېگورىيىسى

زاماننىڭ كۆزى

زامان ۋە ماكان

زامانە

زامانداش

زامانداشلىق

زامان-زامان

زامانىۋى

زامانىۋىلاشتۇرماق

زامانىۋىلاشتۇرۇشماق

زامانىۋىلاشتۇرۇلماق

زامانىۋىلاشماق

زاموك

زامىن

زانانە

زاھىت

زاھىتلىق

زاھىر

زاھىرەن

زاھىرىي

زاۋال

زاۋالسىز

زاۋاللىق

زاۋۇت

زاۋېن

زايە

زايوم

زايىر

زەبەردەس

زەبۇر

زەبۇن

زەبۇنلۇق

زەپ

زەپەر

زەپەر

زەپەرنامە

زەپت

زەپلىمەك

زەپىران

زەخمەت

زەخمەك

زەخىم

زەخىمدار

زەخىملەندۈرمەك

زەخىملەندۈرۈشمەك

زەخىملەندۈرۈلمەك

زەخىملەنمەك

زەخىملىك

زەخىمناك

زەدەك

زەدىۋال

زەدىۋاللىق

زەر

زەرەپشان

زەرەت

زەرەتسىز

زەرەتسىزلەندۈرمەك

زەرەتسىزلەندۈرۈلمەك

زەرەتسىزلەنمەك

زەرەتسىزلىنىش

زەرەتلەنمەك

زەرەتلىك

زەرەتلىمەك

زەرەر

زەرەر-زەخمەت

زەرەرسىز

زەرەرسىزلەندۈرمەك

زەرەرسىزلەندۈرۈلمەك

زەرەرسىزلەنمەك

زەرەرلىك

زەرەڭ

زەرب

زەرباپ

زەربە

زەربىدار

زەربىدارلىق

زەربىلىك

زەرپۇرۇش

زەرپۇرۇشلۇق

زەرچىۋە

زەرداب

زەردابلىق

زەردار

زەردە

زەردۇشت

زەردىگۆش

زەردىلىك

زەررە

زەررىچە

زەررىچىلىك

زەرقۇن

زەرگەر

زەرگەرلىك

زەرلىك

زەرنەپ

زەرنىخ

زەقۇم

زەكەر

زەكىي

زەگۈندە

زەگۈندىلىك

زەڭگەر

زەڭگى

زەللە

زەللىچى

زەمباقى

زەمبۇرۇغ

زەمبىرەك

زەمبىرەكچى

زەمبىرەكلىك

زەمبىل

زەمبىلگە چۈشمەك

زەمبىلچى

زەمچە

زەمزەم

زەن

زەنجىر

زەنجىر ئۈزەرە

زەنجىرسىز

زەنجىرسىمان

زەنجىرلەتمەك

زەنجىرلەشمەك

زەنجىرلەكسىز

زەنجىرلەكلىك

زەنجىرلەنمەك

زەنجىرلىك

زەنجىرلىمەك

زەنجىۋىل

زەھەر

زەھەرخەندە

زەھەرخەندىلىك

زەھەردەك

زەھەر-زەقۇم

زەھەرسىز

زەھەرسىزلەندۈرمەك

زەھەرسىزلەندۈرۈلمەك

زەھەرسىزلەنمەك

زەھەرلەندۈرمەك

زەھەرلەندۈرۈلمەك

زەھەرلەنمەك

زەھەرلىك

زەھەرلىمەك

زەھەرلىنىش

زەۋەر

زەۋرەك

زەئىپ

زەئىپلەشتۈرمەك

زەئىپلەشتۈرۈشمەك

زەئىپلەشتۈرۈلمەك

زەئىپلەشمەك

زەئىپلىك

زەيⅠ

زەيⅡ

زەي سالماي پاختا ئاتماق

زەيⅢ

زەيپانە

زەيپانىلىك

زەيتۇن

زەيكەش

زەيكەشلىك

زەيلەتمەك

زەيلەشتۈرمەك

زەيلەشتۈرۈلمەك

زەيلەشمەك

زەيلىك

زەيلىمەك

زەينەپ

زو

زوخچۇماق

زودىئاك

زور

زور بەرمەك

زوراۋان

زوراۋانلىق

زورايتماق

زورايتىشماق

زورايتىلماق

زورايماق

زوردىن-زورغا

زورغا

زورلاتماق

زورلاشماق

زورلانماق

زورلۇق

زورلۇق كۈچ

زورلۇق-زومبۇلۇق

زورلىماق

زورمۇزور

زورۇقتۇرماق

زورۇقماق

زورۇقۇشماق

زوق

زوق-شوق

زوقلاندۇرماق

زوقلاندۇرۇلماق

زوقلانماق

زوقلىنارلىق

زوقلىنىشماق

زوقمەن

زوقمەنلىك

زوڭ

زوڭ ئولتۇرماق

زوڭزايتماق

زوڭزايماق

زوڭزىيىشماق

زولقا

زولۇق

زومچەك

زومچەك-زومچەك

زومچەيمەك

زومىگەر

زومىگەرلەشمەك

زومىگەرلىك

زونا

زونت

زوئوتېخنىك

زوئولوگ

زوئولوگىيە

زويزا

زۇپا

زۇغۇي

زۇغۇيلۇق

زۇكام

زۇكامدىماق

زۇڭتۇڭ

زۇڭلى

زۇلال

زولپ

زۇلپكەش

زۇلپۇڭ

زۇلپىقار

زۇلقەدە

زۇلمەت

زۇلمەتلىك

زۇلھەججە

زۇلۇم

زۇلۇم-سىتەم

زۇلۇمكار

زۇمرەت

زۇننار

زۇۋان

زۇۋانىنى دارغا تارتماق

زۇۋاندار

زۇۋانداراز

زۇۋاندارازلىق

زۇۋانسىز

زۇۋانسىزلىق

زۇۋۇلا

زۇۋۇلىسى چوڭ

زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەن

زۇۋۇلىسى كىچىك

زۇۋۇلىسى كىچىك ئۈزۈلگەن

زۆرۈر

زۆرۈرلۈك

زۆرۈرىي

زۆرۈرىيەت

زۆھرە

زۈلۈك

زۈھەل

زې

زېدە

زېدىلەندۈرمەك

زېدىلەنمەك

زېدىلىمەك

زېدىماق

زېرەك

زېرەكلەشتۈرمەك

زېرەكلەشمەك

زېرەكلىك

زېرىكەرلىك

زېرىكتۈرمەك

زېرىككەك

زېرىككەكلىك

زېرىكمەك

زېرىكمەي-تېرىكمەي

زېرىكىشلىك

زېرىكىشمەك

زېلكوۋا

زېمىن

زېمىن سىرتى ھوقۇقى

زېمىندار

زېنىت

زېھنىي

زېھىن

زېھىنسىز

زېھىنسىزلىك

زېھىنلىك

زىبا

زىبالىق

زىبرە

زىب-زىب

زىبۇزىننەت

زىبىز

زىبىلدىماق

زىپچىك

زىت

زىتىغا تەگمەك

زىتلاشتۇرماق

زىتلاشتۇرۇلماق

زىتلاشماق

زىتلىق

زىتمەن

زىتمەنلىك

زىچ

زىچلاشتۇرماق

زىچلاشتۇرۇلماق

زىچلاشماق

زىچلىق

زىخ

زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان

زىخى توشماق

زىخچە

زىخلانماق

زىخلىق

زىخلىماق

زىددىيەت

زىددىيەتسىز

زىددىيەتلىك

زىرⅠ

زىرⅡ

زىرائەت

زىراپە

زىراۋەندە

زىرەⅠ

زىرەⅡ

زىر-زەۋەر

زىر-زەۋىرىنى قويماي

زىرىپ

زىرىپچى

زىرىپچىلىق

زىرىق

زىرىلداتماق

زىرىلدىماق

زىرىلىك

زىزىلىمەك

زىسەي

زىغزىق

زىغزىقلىق

زىغىر

زىغىرچى

زىغىرچىلىك

زىغىردەك

زىغىرلاتماق

زىغىرلاشماق

زىغىرلىق

زىغىرلىماق

زىق

زىققە

زىقلىق

زىكىر

زىكىر-تەلقىن

زىكىر-ساما

زىگوتا

زىڭ

زىڭ-زىڭ

زىڭڭىدە

زىڭلى

زىڭىلداتماق

زىڭىلدىماق

زىل

زىلتار

زىلتاش

زىلچا

زىلزىلە

زىللاشماق

زىللىق

زىلوتى

زىلۋا

زىلۋالىق

زىممە

زىمىستان

زىمىستانسىز

زىنا

زىناخور

زىناخورلۇق

زىندان

زىندانبېگى

زىندانچى

زىننەت

زىننەتسىز

زىننەتلەتمەك

زىننەتلەشمەك

زىننەتلەنمەك

زىننەتلىك

زىننەتلىمەك

زىنھار

زىنىخلىق

زىيا

زىياپەت

زىياپەتخانا

زىيادە

زىيادىلەشمەك

زىيادىلىك

زىيارەت

زىيارەتچى

زىيارەتخانا

زىيارەتگاھ

زىيارەتگاھلىق

زىياسىز

زىيالىي

زىيالىيلىق

زىيان

زىيانداش

زىيانداشلىق

زىيان-زەخمەت

زىيانسىز

زىيانكەش

زىيانكەشلىك

زىيانلىق

ئىزاھى

ز

  • ز[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئون بىرىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتە ئون بىرىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ز» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى ۋە باشتىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ز»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ز»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «زې».

  • «ز» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۇچى چىش تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق تاۋۇشتۇر.

زابوي

  • زابوي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ۋالىبول ئويۇنىدا سىزىقنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىغا ئۇرۇلغان توپ:[مىسال:] زابوي ئۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دائىم ھاراق ئىچىپ مەست يۈرىدىغان كىشى، ھاراقكەش:[مىسال:] زابوي ئادەم. ∥ زابوي بولماق.

زاپاس

  • زاپاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① كەلگۈسىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن تەييارلاپ، غەملەپ قويۇلغان ياكى ئاجرىتىلغان نەرسە:[مىسال:] ئاشلىق زاپىسى. ∥ قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بەزى زاپاس بايلىقلىرى شۇ ئۆيدە شۇ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ يەر ئاستىدىكى تەبىئىي مىقدارى:[مىسال:] ئالتۇن زاپىسى. نېفىت زاپىسى.

زاپچاس

  • زاپچاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ھەر خىل ماتورلۇق، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەلۇم بىر سايمىنى، ماتېرىيالى، دېتالى.

زاپخوز

  • زاپخوز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىدارە، ئورگان، مەكتەپ قاتارلىقلاردا خوجىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان؛ ليەندۈيلەردە قورال-ياراغ، ماددىي ئەشيا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى ئىشلەيدىغان كادىر.

زاپخوزلۇق

  • زاپخوزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوجىلىق خىزمىتى:[مىسال:] زاپخوزلۇق قىلماق.

زاپونكا

  • زاپونكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللار كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىغا ياكى يېڭىگە تاقىلىدىغان مەخسۇس تۈگمە.

زات

  • زات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىر ئۇرۇق-ئەجدادتىن تارالغان نەسىل، ئەۋلاد:[مىسال:] ياخشىدىن زات قالىدۇ، ياماندىن داد (ماقال).[يەشمىسى:] ② كېلىپ چىقىش:[مىسال:] ئەسلىي زاتىڭنىڭ دېھقان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش-ھەرىكىتى ۋە خۇسۇسىيىتى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئادەم؛ شەخس:[مىسال:] مەشھۇر زات. ئالىي زات.[يەشمىسى:] ④ جىنس:[مىسال:] مەخلۇق بىرەھىم چۈشۈرۈپ پەرمان، ئەركەك زاتىنى قويمىدى ئامان.

زاتەن

  • زاتەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەسلىنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئەسلىدە، ئەمەلىيەتتە:[مىسال:] ئايتىللانىڭ ئۇنى زاتەن كۆرۈشى بىرىنچى قېتىم ئىدى.

زاتور

  • زاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مىلتىق قاتارلىق ئېتىش قوراللىرىنىڭ ئوقداندىكى ئىستوۋۇلغا كىرگۈزۈش، مىشەكنى چىقىرىۋېتىش رولىنى ئوينايدىغان قۇرۇلمىسى.

زاتىل

  • زاتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆپكە ياللۇغى.

زاخا

  • زاخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېگىش، چېقىلىش.

زادى

  • زادى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەرگىز، قەتئىي، پەقەت:[مىسال:] بۇ ئىش قىزنىڭ يادىدىن زادى چىقمايتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] سوئال جۈملىلەرنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا كېلىپ جاۋابنىڭ ئېنىق بولۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] زادى كېلەمسەن * زادى نەگە بارىمەن

زار

  • زار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھەسرەتلىك يىغا؛ نالە-پەرياد، پىغان:[مىسال:] قازاننىڭ ھورى يامان، يېتىمنىڭ زارى (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەلەپ، ئىلتىماس، ئىلتىجا:[مىسال:] ئاڭلىدىم يىغلاڭغۇ غەمكىن ناخشاڭدا، بىز بىلەن بىللە كەت، دېگەن زارىڭ بار.[يەشمىسى:] ③ موھتاج، ھاجەت، تەشنا:[مىسال:] ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس، دوست-دۈشمەنگە زار بولماس (ماقال).

زاراتگاھ

  • زاراتگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «زاراتلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ زاراتگاھقا قاراپ يول ئالدى.

زاراتگاھلىق

  • زاراتگاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «زاراتلىق»قا قاراڭ.

زاراتلىق

  • زاراتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆلگەن كىشىلەرنى كۆمىدىغان جاي؛ قەبرىستان:[مىسال:] كەڭ زاراتلىق غۇۋا ئايدىڭدا كىشى ئەيمەنگۈدەك جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى.

زاراخەتمە

  • زاراخەتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] كونا ئادەت بويىچە يېزىلاردا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشتىن بۇرۇن ئاممىۋى نەزىر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خۇدادىن مول ھوسۇل تىلەش پائالىيىتى.

زاراڭزا

  • زاراڭزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سارغۇچ قىزىل، كاناي شەكلىدە ئېچىلىدۇ. گۈلى تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋان قىلىش، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە.

زاراڭزىلىق

  • زاراڭزىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاراڭزا تېرىلغان يەر:[مىسال:] زاراڭزىلىققا بارماق. زاراڭزىلىقتا ئىشلىمەك.

زار-زار

  • زار-زار[يەشمىسى:] «زار» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] زار-زار قاقشىماق. زار-زار يىغلىماق.

زارلاتماق

  • زارلاتماق[يەشمىسى:] «زارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بىر ئۆمۈر بىزنى قاقشاتقان، زارلاتقان، مانا ئەمدى ئۆز بېشىنى يەپتۇ.

زارلاشماق

  • زارلاشماق[يەشمىسى:] «زارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دائىم «دېھقاننىڭ ھالىغا يەتمىگەن باشلىقنىڭ خۇدايىم جازىسىنى بېرەر» دەپ زارلىشاتتى.

زارلانماق

  • زارلانماق[يەشمىسى:] «زارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاي يولدا زارلىنىپ ئولتۇرغان ئوغرىنى كۆرۈپ، ئېشىكىدىن ئىرغىپ چۈشتى.

زارلىق

  • زارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەسرەتلىك، نالە-پەريادلىق:[مىسال:] زارلىق يىغا. * بارغانچە مۇڭلۇق، بارغانچە زارلىق ئېيتىلغان قوشاق باربىتقا ئەگىشىپ بارغانچە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماددىي جەھەتتىن قىينىلىش، تەڭلىك، موھتاجلىق:[مىسال:] ئاش-نان زارلىقىنى تارتماق.

زارلىماق

  • زارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن نالە قىلماق، شىكايەت قىلماق، ھەسرەت چەكمەك، ئېچىنماق:[مىسال:] زارلىغانغا كەلمەيدۇ، قارىغانغا بەرمەيدۇ (ماقال).

زارۇزار

  • زارۇزار[يەشمىسى:] «زار-زار»غا قاراڭ.

زارىقتۇرماق

  • زارىقتۇرماق[يەشمىسى:] «زارىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئابلىكىم ئۆزىنىڭ كېچىكىپ ئۇنى زارىقتۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى.

زارىقماق

  • زارىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە قاتتىق موھتاج، تەشنا بولماق؛ زار بولماق:[مىسال:] نانغا زارىقماق.[يەشمىسى:] ② ئىنتىزار بولماق، تەقەززا بولماق؛ تەلمۈرمەك:[مىسال:] ئايشەم ھەدىنىڭ زارىقىپ كۈتكەن كۈنلىرى ئاخىرى يېتىپ كەلدى.

زارىقىشماق

  • زارىقىشماق[يەشمىسى:] «زارىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

زاسۈي

  • زاسۈي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] تازىلاپ پىشۇرۇلغان كاللا-پاقالچاق، ئۆپكە-قېرىن قاتارلىقلار:[مىسال:] ئاخىرى ئۇلار كاۋاپ، زاسۈي ۋە تونۇر كاۋىپى يېيىشتى.

زاسۈيپەز

  • زاسۈيپەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «زاسۈيچى»گە قاراڭ:[مىسال:] ئايشەمنىڭ ئاپىسى زاسۈيپەز ئىدى.

زاسۈيپەزلىك

  • زاسۈيپەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «زاسۈيچىلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] زاسۈيپەزلىك قىلماق. *زاسۈيپەزلىك بىلەن جان باقماق.

زاسۈيچى

  • زاسۈيچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاسۈي پىشۇرۇپ ساتقۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ چوڭ ئاپىسى ئەسلىي زاسۈيچى ئىدى.

زاسۈيچىلىك

  • زاسۈيچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاسۈي پىشۇرۇپ سېتىش ئىشى:[مىسال:] زاسۈيچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق. زاسۈيچىلىك قىلماق.

زاسۈيخانا

  • زاسۈيخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاسۈي پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئۆي، دۇكان:[مىسال:] زاسۈيخانىدا ئىشلىمەك.

زاسېداتىل

  • زاسېداتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سوتقا ياندىن قاتنىشىپ، ئەنزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا مەسلىھەت بېرىدىغان خادىم؛ مەسلىھەتچى.

زاسېداتىللىق

  • زاسېداتىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سوتقا ياندىن قاتنىشىپ، ئەنزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا مەسلىھەت بېرىش ئىشى، مەسلىھەتچىلىك:[مىسال:] زاسېداتىللىق تۈزۈمى.

زاغ

  • زاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① قاغا. [يەشمىسى:] ② دۈشمەن.

زاغرا

  • زاغرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوناق، تېرىق قاتارلىق قارا ئاشلىق ئۇنىدىن يېقىلغان نان:[مىسال:] ئەپەندىم بىر باينىڭ ئۆيىگە بارسا، باي ئۇنىڭغا زاغرا بىلەن ئەتكەنچاي بېرىپتۇ.

زاغرا تىل

  • زاغرا تىل[يەشمىسى:] يەرلىك خەلقلەر ئۆزئارا چۈشىنىدىغان ئاددىي تىل؛ خەلق تىلى:[مىسال:] زاغرا تىلدا سۆزلىمەك.

زاغرىچى

  • زاغرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرمىگەنلىكتىن زاغرىنى كۆپرەك يېيىشكە مەجبۇر بولغان ئادەم؛ كەمبەغەل، يوقسۇل:[مىسال:] -زاغرىچىنىڭ مۇشتۇمى زاغرىدەك قاتتىق بولىدۇ، دېدى شاكىر.

زاغزاق

  • زاغزاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سېرىق ياكى سۆسۈن قىزىل كېلىدۇ. مېۋىسى سىلىندىر شەكلىدە بولىدۇ. چۆل، قۇم دۆۋىسى ۋە شورلۇقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

زاغزاقلىق

  • زاغزاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاغزاق كۆپ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] زاغزاقلىققا بارماق. زاغزاقلىقتا ئىشلىمەك.

زاغ-زۇغۇن

  • زاغ-زۇغۇن[يەشمىسى:] قاغا ۋە قۇزغۇن.

زاغۇن

  • زاغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سېرىق، مېۋىسى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.

زاغۇن باش

  • زاغۇن باش[يەشمىسى:] ئەقلى تازا جايىدا ئەمەس:[مىسال:] تازىمۇ بىر زاغۇن باش نېمە ئوخشىمامدۇ بۇ، دېدى قاسىم ئاكام قاتتىق خاپا بولۇپ.

زاغۇنلۇق

  • زاغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاغۇن تېرىلغان ياكى ئۆسكەن يەر:[مىسال:] ھېلىقى بىر توپ كىشىلەر زاغۇنلۇقنى ئارىلاپ چىقىپ كەتتى.

زاقا

  • زاقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئازار، دەشنەم.

زاك

  • زاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] تۆمۈر سۇلفات، تۆمۈر سۇلفات كىسلاتا تۇزى ۋە سۇدا ئاسان ئېرىمەيدىغان ئاچ يېشىل كرىستاللىق ماددا.

زاكا

  • زاكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوۋاقلارنى يۆگەيدىغان ياكى ئاستىغا سالىدىغان لاتا؛ يۆگەك:[مىسال:] زاكىسىنى يەڭگۈشلىمەك. زاكىغا ئالماق.

زاكا قېرىسى

  • زاكا قېرىسى[يەشمىسى:] بەك كىچىك تۇرۇپ ھەممىنى بىلىمەن دەيدىغان، قاقۋاش:[مىسال:] ھوي زاكا قېرىسى، قۇرۇق گەپنى قوي، ساڭا بۇنداق قىلىشنى كىم قويۇپتۇ.

زاكات

  • زاكات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدا مال، پۇلغا ئىگە بولغانلارنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم پۇل ۋە مال-مۈلكىنىڭ 40 تىن بىرىنى غېرىب-غۇرۋالارغا، كەمبەغەل-مۇساپىرلارغا بېرىدىغان خەير-سەدىقىسى:[مىسال:] زاكات بەرمەك. زاكات ئالماق.

زاكاتچى

  • زاكاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاكات ئالىدىغان، زاكات يىغىشقا بەلگىلەنگەن ئادەم:[مىسال:] موللازەيدىن باجگىر بىلەن زاكاتچىنى باغلاپ ئېلىپ ماڭدى.

زاكاز

  • زاكاز[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇيرۇتما:[مىسال:] زاكاز ئالماق. زاكاز قوبۇل قىلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەخسۇس نومۇر بىلەن پوچتىغا تىزىملىتىلغان ۋە ئادرېستىكى كىشىنىڭ قولىغا تېگىش شەرت قىلىنغان (خەت، پوسۇلكا ھەققىدە):[مىسال:] زاكاز خەت.

زاكازچى

  • زاكازچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاكاز بەرگۈچى، زاكاز قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ زاۋۇتقا زاكازچىلار ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى.

زاكالەت

  • زاكالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] زاكاز قىلىنىدىغان ياكى سېتىۋىلىنىدىغان نەرسە ئۈچۈن ئالدىن تۆلىنىدىغان ھەق:[مىسال:] زاكالەت ئالماق. زاكالەت بەرمەك.

زاكون

  • زاكون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قائىدە-قانۇن، مىزان، داۋلى:[مىسال:] چوقۇم بويسۇنۇش كېرەك، زاكون دېگەن زاكون دېدى بىرەيلەن ۋارقىراپ.

زاكونچى

  • زاكونچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قائىدە-قانۇنلۇق، داۋلىلىق، پاكىتلىق سۆزلەيدىغان، ئۆز سۆزى بىلەن كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان؛ سۆزمەن:[مىسال:] شەھەرلىكلەر تولىمۇ زاكونچى كېلىدۇ، يېزىدىكىلەردەك مۇلايىم ئەمەس.

زاكونچىلىق

  • زاكونچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قائىدە-قانۇن، مىزانلارنى كۆپ سۆزلەش، سۆزمەنلىك.

زاكونلاشماق

  • زاكونلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] داۋلىلاشماق، گەپ بىلەن ئۆز پىكرىنى ئىسپاتلاشماق:[مىسال:] راستىنى ئېيتقاندا، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن زاكونلاشقۇدەك ماجالى يوق ئىدى.

زاكۇ

  • زاكۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قاپقىنى ئېچىش ئارقىلىق سۇ ئۆتكۈزۈلىدىغان سېمونت ياكى ياغاچ تاقاق، توما:[مىسال:] زاكۇ سالماق.

زاكۇسكا

  • زاكۇسكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھاراق-شاراب ئىچكەندە يېيىلدىغان قوشۇمچە يېمەكلىك:[مىسال:] زاكۇسكا تەييارلىماق. زاكۇسكا سېتىۋالماق.

زاكىلاتماق

  • زاكىلاتماق[يەشمىسى:] «زاكىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالىنى زاكىلاتماق.

زاكىلاشماق

  • زاكىلاشماق[يەشمىسى:] «زاكىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سېسترالار بوۋاقلارنى زاكىلاشتى.

زاكىلاقسىز

  • زاكىلاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زاكىلانمىغان، زاكىغا يۆگەلمىگەن.

زاكىلاقلىق

  • زاكىلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زاكىلانغان، زاكىلاپ قويۇلغان:[مىسال:] زاكىلاقلىق بالا.

زاكىلانماق

  • زاكىلانماق[يەشمىسى:] «زاكىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بالا زاكىلاندى.

زاكىلىق

  • زاكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زاكا قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان، زاكا قىلىشقا بولىدىغان:[مىسال:] زاكىلىق رەخت.

زاكىلىماق

  • زاكىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زاكىغا يۆگىمەك، زاكا بىلەن ئوراپ تاڭماق:[مىسال:] بالىنى زاكىلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مىدىرلىيالمايدىغان، ئاغزىنى ئاچالمايدىغان قىلىپ قويماق، ئاغزىنى ئەتمەك:[مىسال:] تۇراپنى ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا زاكىلاپ قويالايمەن

زاڭⅠ

  • زاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوناق ئۇنىدىن قويۇق قىلىپ چېلىنغان ئۇماچ؛ ئۇ پىشقاندىن كېيىن ئۈستىگە قورۇلغان سەي سېلىنىپ يېيىلىدۇ:[مىسال:] ھالۋىنى كۆپ يېسە زاڭ تېتىيدۇ (ماقال).

زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن

  • زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن[يەشمىسى:] تۇرمۇشى ئىنتايىن مۈشكۈلچىلىكتە ئۆتكەن، چوڭراق بىرەر ئىش قىلىپ باقمىغان:[مىسال:] زېڭىدا زاڭ كۆرمىگەن نېمىلەرنىڭ، ئەمدى كېلىپ يوغانچىلىق قىلىشىپ كەتكىنىنى قارا، دېدى ھېلىقى باي.

زاڭⅡ

  • زاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] «زاڭ مال»غا قاراڭ.

زاڭ مال

  • زاڭ مال[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش ياكى ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا كەلگەن مال-مۈلۈك.

زاڭⅢ

  • زاڭⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەپ-سۆز، قىلىقلىرى باشقىلارغا ياقمايدىغان؛ تېتىقسىز، ماز:[مىسال:] زاڭ ئادەم. زاڭ بالا.

زاڭزۇ

  • زاڭزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىر قىسمى چىڭخەي، سىچۈەن، گەنسۇ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە، يەنە بىر قىسمى چەت ئەللەردىن بۇتان، سېككىم، نېپال قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

زاڭزۇچە

  • زاڭزۇچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زاڭزۇ خەلقىگە، زاڭزۇ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت؛ زاڭزۇ خەلقىگە خاس بولغان:[مىسال:] زاڭزۇچە كىيىم. زاڭزۇچە ئۇسسۇل. زاڭزۇچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاڭزۇ تىلى ياكى يېزىقى:[مىسال:] زاڭزۇچە ئۆگەنمەك.

زاڭگا

  • زاڭگا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بەدىنگە چىققان جاراھەتلەرنىڭ قاقىچى.

زاڭگۇل-زۇڭگۇل

  • زاڭگۇل-زۇڭگۇل [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇششاق-چۈششەك.

زاڭلاشتۇرماق

  • زاڭلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «زاڭلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۈنۈگۈنكى سورۇننى مۇختەر زاڭلاشتۇرمىغان بولسا، خېلى ئۇزۇن داۋام قىلغان بولاتتى.

زاڭلاشتۇرۇلماق

  • زاڭلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «زاڭلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زاڭلاشماق

  • زاڭلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپ-سۆز، قىلىقلىرى كىشىلەرگە ياقمايدىغان بولۇپ قالماق، تېتىقسىزلاشماق:[مىسال:] ئۇ تولىمۇ زاڭلاشتى.

زاڭلىق

  • زاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى كەمسىتىش؛ مەسخىرە:[مىسال:] زاڭلىق ئەتمەك. زاڭلىق قىلماق.

زالⅠ

  • زالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] يىغىن، مۇراسىم، كۆڭۈل ئېچىش، توي-تۆكۈن، مېھمان كۈتۈش قاتارلىق تۈرلۈك ئاممىۋى مەشغۇلاتلار ئېلىپ بېرىلىدىغان چوڭ تىپتىكى ئۆي.

زالⅡ

  • زالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① قۇۋ، تادان. [يەشمىسى:] ② گەپ ئۆتمەس، قېلىن.

زالالەت

  • زالالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] توغرا يولدىن ئېزىش، گۇمراھلىق؛ گاڭگىراش، قايمۇقۇش.

زالىم

  • زالىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرگە جەبىر-زۇلۇم سالىدىغان، كىشىلەرنى ئېزىدىغان، رەھىمسىز:[مىسال:] زالىم ۋەزىر. زالىم بەگ. ∥ زالىمنىڭ زۇلمىدىن ساقلا، پادىشاھنىڭ ھۆكمىدىن (ماقال).

زالىملىق

  • زالىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەھىمسىزلىك، مۇستەبىتلىك، زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنى ئېزىش، قاقشىتىش.

زاماسكا

  • زاماسكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① گەج، ئەلىپماي، يېلىم قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەييارلايدىغان، يېرىق، چاك ۋە شۇ قاتارلىقلارنى چاپلاش، يەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان خېمىرسىمان قېتىشما:[مىسال:] -مانا ماۋۇ زاماسكىنى دېرىزە ئەينىكىگە بېرىڭ.[يەشمىسى:] ② چىشنىڭ چىرىگەن جايلىرىنى تولدۇرۇش، ياماش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قېتىشما.

زاماسكىلاتماق

  • زاماسكىلاتماق[يەشمىسى:] «زاماسكىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پارتىلارنى زاماسكىلاتماق.

زاماسكىلاشماق

  • زاماسكىلاشماق[يەشمىسى:] «زاماسكىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئىككى سائەت ئىچىدە پۈتۈن ئىشكاپلارنى زاماسكىلىشىپ بولدى.

زاماسكىلانماق

  • زاماسكىلانماق[يەشمىسى:] «زاماسكىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر سائەتكە قالماي ئون نەچچە ئورۇندۇق زاماسكىلىنىپ بولدى.

زاماسكىلىماق

  • زاماسكىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۆشۈك ۋە يېرىقلارنى زاماسكا بىلەن يەملىمەك، ئەتمەك:[مىسال:] ئىشىك-دېرىزىنى زاماسكىلىماق.

زامان

  • زامان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تارىخنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۆلۈنگەن، شۇنىڭدەك بىرەر تارىخىي ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن ياكى بىرەر شەخس، سىنىپ، تەبىقە قاتارلىقلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇئەييەن بۆلىكى، دەۋر:[مىسال:] بۇرۇنقى زامان. ھازىرقى زامان.[يەشمىسى:] ② مەزگىل، مەھەل، مۇددەت؛ ۋاقىت، پەيت، چاغ:[مىسال:] يىگىت تۈكنى كۆيدۈرگەنىكەن، ئاغمىخان شۇ زامان پەيدا بوپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماددا مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئوبيېكتىپ شەكلى، يەنى ماددىي مەۋجۇدىيەتنىڭ بۇرۇن، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن تەركىب تاپقان بىر تۇتاش سىستېمىسى، شۇنىڭدەك ماددا ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پېئىل ئىپادىلىگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ نۇتۇق مومېنتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگۈچى فورما. ئادەتتە ئۇ ئۆتكەن زامان، كېلەر زامان ۋە ھازىرقى زاماندىن ئىبارەت چوڭ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋەزىيەت:[مىسال:] زامان تۈزەلسە، يامانمۇ تۈزىلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

زامان كاتېگورىيىسى

  • زامان كاتېگورىيىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پېئىللاردا كۆرۈلىدىغان بىر خىل گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە. بۇ كاتېگورىيە پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ياكى ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ھەر خىل زامانغا تەئەللۇقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.

زاماننىڭ كۆزى

  • زاماننىڭ كۆزى[يەشمىسى:] تەڭداشسىز گۈزەل، چىرايلىق، ئىنتايىن لاتاپەتلىك:[مىسال:] ۋەزىرنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، ھەر ئىككىسى ھۆسن-جامالىدا زاماننىڭ كۆزى ئىكەن.

زامان ۋە ماكان

  • زامان ۋە ماكان[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماددىنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلى. زامان ماددا ھەرىكىتىنىڭ تەرتىپلىكلىكى ۋە ئىزچىللىقىنى، ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىقىنى يەنى شەيئىنىڭ ئورنى، ھەجمى ۋە شەكلى جەھەتتىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

زامانە

  • زامانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «زامان»غا قاراڭ.

زامانداش

  • زامانداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر كىشى بىلەن بىر زاماندا، بىر دەۋردە ياشىغان ياكى ياشاۋاتقان ئادەم:[مىسال:] شائىرنىڭ سۆزلىرى زامانداش تەرەققىيپەرۋەر دوستلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ھىمايىسىگە ئىگە بولدى.

زامانداشلىق

  • زامانداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر زاماندا ياشاش، بىر دەۋردە تونۇلۇپ زامانداش بولۇپ ئۆتۈش:[مىسال:] مەن ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپ، ساڭا زامانداشلىق دەۋىتىمنى يوللايمەن.

زامان-زامان

  • زامان-زامان[يەشمىسى:] ئۇزۇن زامان.

زامانىۋى

  • زامانىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھازىرقى زامانغا خاس، ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە جاۋاب بېرەلەيدىغان:[مىسال:] زامانىۋى قۇرۇلۇش. زامانىۋى ئۈسكۈنە.

زامانىۋىلاشتۇرماق

  • زامانىۋىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «زامانىۋىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زامانىۋىلاشتۇرۇشماق

  • زامانىۋىلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «زامانىۋىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

زامانىۋىلاشتۇرۇلماق

  • زامانىۋىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «زامانىۋىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زامانىۋىلاشماق

  • زامانىۋىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشماق، ماسلاشماق:[مىسال:] زامانىۋىلاشقان زاۋۇت. زامانىۋىلاشقان قورال.

زاموك

  • زاموك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئېتىش قوراللىرىنىڭ قۇلۇپى:[مىسال:] زاموكنى ئاچماق. زاموكنى ئەتمەك.

زامىن

  • زامىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز گەپ-سۆز ياكى ئۇڭۇشسىز ئىش-ھەرىكەت ئۈچۈن سەۋەبچى ياكى ئەيىبدار؛ جاۋابكار:[مىسال:] زامىن بولماق.

زانانە

  • زانانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نازۇك، نەپىس.

زاھىت

  • زاھىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تەركىدۇنيا بولۇپ، دۇنيانىڭ راھەت-پاراغەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن، تائەت-ئىبادەتكە بېرىلگەن ئادەم. [يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

زاھىتلىق

  • زاھىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاھىتلارغا خاس كىيىنىش ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] ئۇ زاھىتلىق تونىغا ئورىنىۋالغان بىر بۇزۇق ئىدى.

زاھىر

  • زاھىر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىرتى، سىرتقى كۆرۈنۈشى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوچۇق-ئاشكارا، روشەن؛ ئېنىق:[مىسال:] زاھىر بولماق. زاھىر ئەتمەك.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

زاھىرەن

  • زاھىرەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سىرتتىن، يۈزە قارىغاندا، تاشقى كۆرۈنۈشتىن:[مىسال:] زاھىرەن قارىغاندا، سىلەرنىڭ پىكىرلىرىڭلار توغرا، دېدى ئەھمەد بەگ.

زاھىرىي

  • زاھىرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سىرتقى، تاشقى؛ كۆز ئالدىدىكى، ئوبيېكتىپ:[مىسال:] زاھىرىي دۇنيا.

زاۋال

  • زاۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۈن پاتقاندىن قاراڭغۇ چۈشكۈچە بولغان ۋاقىت:[مىسال:] لۇتپۇللا سىرتقا چىققاندا، ئاللىقاچان زاۋال بولۇپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گۇمران بولۇش، يوقىلىش؛ ھالاكەت:[مىسال:] زاۋال تاپماق. * كىمنىڭ زۇلمى كۆپ بولسا، زاۋالى يېقىن بولۇر (ماقال).

زاۋالسىز

  • زاۋالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھالاكەتكە يولۇقمىغان (يولۇقمايدىغان) تالاپەتكە ئۇچرىمىغان، يوقالمىغان (يوقالمايدىغان):[مىسال:] بىلىمدۇر ئەڭگۈشتەر-سائادەت مۆھرى، ھەقىقىي بىلىمدۇر زاۋالسىز ئىقبال.

زاۋاللىق

  • زاۋاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھالاكەت، تالاپەت، يوقىلىش:[مىسال:] جانابىي ئالىيلىرىنىڭ مۇبارەك پەرزەنتلىرىگە ئالىپ دېگەن بەتنىيەت زاۋاللىق يەتكۈزۈپتۇ.

زاۋۇت

  • زاۋۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ياكى قول ھۈنىرى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن:[مىسال:] پولات زاۋۇتى.

زاۋېن

  • زاۋېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ھازىرقى نەسرىي ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. مۇقىم شەكلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدا مۇنازىرە بولۇشىمۇ، بايان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

زايە

  • زايە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پايدىسىز، بىھۇدە، بىكار، زىيادە؛ ئىسراپ، ئارتۇق:[مىسال:] زايە بولماق. زايە كەتمەك.

زايوم

  • زايوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىق<[يەشمىسى:] ① دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ياكى سىرتقى مەملىكەتلەردىن ئالغان قەرزى. [يەشمىسى:] ② زايوم چېكى:[مىسال:] زايوم ئالماق. زايوم سېتىۋالماق.

زايىر

  • زايىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلگىركى زايىر(ھازىرقى كونگو>كىنشاسا<) دۆلىتىنىڭ پۇل بىرلىكى.

زەبەردەس

  • زەبەردەس[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىسمانىي جەھەتتىن بەقۇۋۋەت؛ كۈچلۈك، چىڭ:[مىسال:] زەبەردەس يىگىت. زەبەردەس بالا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۇستەھكەم، مەغرۇر، تىك:[مىسال:] يىگىت زەبەردەس دەسسەپ ھېيتگاھقا كېلىپ توختىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەۋپ-خەتەر، قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان؛ يۈرەكلىك، باتۇر، پالۋان، جەسۇر:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىكەن، بەزىسى زەبەردەس، ياۋۇز ھالەتتە ئىكەن.

زەبۇر

  • زەبۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] «ئاللا تەرىپىدىن داۋۇت پەيغەمبەرگە ئەۋەتىلگەن» دەپ تونۇلغان مۇقەددەس كىتاب.

زەبۇن

  • زەبۇن[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاراب، ۋەيران؛ زەئىپ، نىمجان:[مىسال:] زەبۇن بولماق.  پىراقىڭدا بولدى ھالىم زەبۇن، ئۆزۈم غەمناك، مالامەتتىمەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېيىم-خەتەر، زىيان-زەخمەت؛ ئېغىرچىلىق، مۈشكۈللۈك:[مىسال:] زەبۇن كۆرمەك.

زەبۇنلۇق

  • زەبۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەئىپلىك، نىمجانلىق؛ ۋەيرانچىلىق، مۈشكۈللۈك:[مىسال:] تاغام بۇ يىل 60 ياشقا كىردى. شۇ كەمگىچە ئۇ تالاي شادلىققا چۆمدى، نى-نى زەبۇنلۇققىمۇ يولۇقتى.

زەپ

  • زەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ناھايىتى، ئاجايىپ، بەك، ئىنتايىن:[مىسال:] «ئېسىلدا خاتا يوق، بىئېسىلدا ۋاپا يوق» دېگەن گەپ زەپ جايىدا ئېيتىلغان-دە.

زەپەر

  • زەپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چىغىرتماقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاچ قوڭۇر بولۇپ دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ھەيزنى راۋان قىلىش، ئاشقازاننى كۈچەيتىش رولىغا ئىگە. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىىڭ گۈلى.

زەپەر

  • زەپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قولغا كەلگەن نەتىجە، غەلىبە، مۇۋەپپەقىيەت:[مىسال:] زەپەر قازانماق. زەپەر قۇچماق.[يەشمىسى:] ② ئەرلەر ئىسمى.

زەپەرنامە

  • زەپەرنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قولغا كەلگەن نەتىجە، غەلىبىلەر يېزىلغان قىسسە:[مىسال:] ئەنە كۆردۈڭمۇ يازماقتا ئازاد يوقسۇل زەپەرنامە، بىراق بايلار ئۈچۈن بۇ ئىش، سۇغۇرغاندەك گوياكى چىش.

زەپت

  • زەپت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە قاتتىق ئۇرۇلۇش؛ كۈچ؛ شىددەت:[مىسال:] نەيزە، قىلىچ زەپتىدىن مىڭلاپ چېرىك يىقىلدى. تىرىكلىرى تۇغ تۇتۇپ، تەسلىم بولۇپ قېتىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى بىرياقلىق قىلغۇدەك جاسارەت؛ زەردە، غەزەپ:[مىسال:] زەپتى بار.

زەپلىمەك

  • زەپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زور بىلەن كۈچىمەك:[مىسال:] ئۇ تازا زەپلەپ ئىشلەۋاتقاندا گۈلسۈم كىرىپ كەلدى.

زەپىران

  • زەپىران[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەپەر:[مىسال:] زەپىران نەدە بولار؟ سۇدىن تۆۋەن لايدا بولار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساپسېرىق:[مىسال:] چىرايىم زەپىران بولدى، كىشى سورىمايدۇ ھالىمنى. ئارىدا ئادالەت يوق، كۆرسىتىشمەيدۇ يارىمنى.

زەخمەت

  • زەخمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئازاب، كۈلپەت، مۇشەققەت؛ ئازار، ئەلەم:[مىسال:] زەخمەت چەكمەك. زەخمەت يەتمەك.

زەخمەك

  • زەخمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] راۋاب، ماندالىن قاتارلىق تارلىق سازلارنى چېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان تىلسىمان ئەسۋاب. ئۇ ئادەتتە ياغاچ، پىل چىشى، مۈڭگۈز، مېتال ياكى سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ.

زەخىم

  • زەخىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تىغ، نەيزە قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇلۇش، مەلۇم نەرسىگە سوقۇلۇش تەسىرىدىن بەدەن ۋە نەرسىلەردە پەيدا بولىدىغان جاراھەت، يارا:[مىسال:] زەخىم بولماق. زەخىم قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەنىۋى جەھەتتىكى دەرد-ئەلەم، ئازاب-ئوقۇبەت؛ قايغۇ:[مىسال:] ئەركىننىڭ خېتىدىن ئارزۇگۈلنىڭ قەلبى زەخىم يېدى.[يەشمىسى:] ③ ۋەيران بولۇش، بۇزۇلۇش، كاردىن چىقىش:[مىسال:] بۇ ئۇرۇش قەدىمىي قەلئە-قەسىرلەر ۋە نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېغىر زەخىمگە ئۇچراتتى.

زەخىمدار

  • زەخىمدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جاراھەتلەنگەن، يارىلانغان، زەخىملەنگەن:[مىسال:] ئۇ ئاغىبەگ بىلەن قىلىچۋازلىق قىلىپ، ئۇنى زەخىمدار قىلدى.

زەخىملەندۈرمەك

  • زەخىملەندۈرمەك[يەشمىسى:] «زەخىملەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دۈشمەنلەر ھوشۇربەگ سەردارنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ بىرنەچچە يېرىنى زەخىملەندۈردى.

زەخىملەندۈرۈشمەك

  • زەخىملەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «زەخىملەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

زەخىملەندۈرۈلمەك

  • زەخىملەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «زەخىملەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بېلى ئېغىر زەخىملەندۈرۈلدى.

زەخىملەنمەك

  • زەخىملەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يارىلانماق، جاراھەتلەنمەك؛ زېدە بولماق:[مىسال:] پەرى كېلىپ قارىسا دىۋىنىڭ بىرى ئېغىر زەخىملىنىپتۇ. * ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقى يۈرىكىمنى قاتتىق زەخمىلەندۈردى.[يەشمىسى:] ② زىيانغا ئۇچرىماق، زەرەر تارتماق؛ ۋەيران بولماق:[مىسال:] مۇنداق ئىشتا ئانچە-مۇنچە زەخىملەنسەك ھېچنېمە بولمايدۇ، دېدى ھاشىم سادىققا قاراپ قويۇپ.

زەخىملىك

  • زەخىملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەخىملەنگەن، يارىلانغان، جاراھەتلەنگەن؛ زېدە بولغان:[مىسال:] ئەمەت زەخىملىك پۇتىنى ئاستا يۆتكەپ كېتىپ باراتتى.

زەخىمناك

  • زەخىمناك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «زەخىملىك»كە قاراڭ:[مىسال:] بۇ جەڭگە نوزۇگۇممۇ ئىشتىراك قىلدى، قانچىلاپ رەقىبنى ھەم زەخىمناك قىلدى.

زەدەك

  • زەدەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «سەۋزە»گە قاراڭ.

زەدىۋال

  • زەدىۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆي تېمىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە تۇتۇلىدىغان گۈللۈك رەخت.

زەدىۋاللىق

  • زەدىۋاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① زەدىۋال تارتىلغان، زەدىۋال تۇتۇلغان:[مىسال:] زەدىۋاللىق تام.[يەشمىسى:] ② زەدىۋال تىكىش ئۈچۈن لايىق، باب:[مىسال:] زەدىۋاللىق رەخت.

زەر

  • زەر[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇن:[مىسال:] ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ جېنىم، ئۈستىۋېشىڭىزنى ئۈنچە-مارجان، زەرلەرگە كۆمۈۋېتىمەن، دېدى نەزەر قىزغا ئېسىلىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن، ئالتۇن سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان، ئالتۇن رەڭگىدىكى:[مىسال:] زەر يىپ.

زەرەپشان

  • زەرەپشان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەر چاچىدىغان؛ ئالتۇن بىلەن تاۋلانغان؛ نۇرلۇق، پارقىراق:[مىسال:] كى بۇ تۇپراقنىڭ زەرەپشان كۈنىمۇ، ئاي كۈلۈپ، يۇلتۇز ئېچىلغان تۈنىمۇ.[يەشمىسى:] ② يەكەن دەرياسىنىڭ نامى.

زەرەت

  • زەرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمدا ياكى جىسىمنى ھاسىل قىلغان ماددىي نۇقتىدا بار بولغان مۇسبەت ياكى مەنپىي ئېلېكتر. قارىمۇقارشى زەرەتلىك جىسىملار ئۆزئارا تارتىشىدۇ، ئوخشاش رەزەتلىك جىسىملار ئۆزئارا تېپىشىدۇ. زەرەتلەرنىڭ يۆتكىلىشى توكنى ھاسىل قىلىدۇ.

زەرەتسىز

  • زەرەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەرەتكە ئىگە بولمىغان، زەرەتلەنمىگەن.

زەرەتسىزلەندۈرمەك

  • زەرەتسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «زەرەتسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زەرەتسىزلەندۈرۈلمەك

  • زەرەتسىزلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «زەرەتسىزلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زەرەتسىزلەنمەك

  • زەرەتسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زەرەتنى يوقاتماق.

زەرەتسىزلىنىش

  • زەرەتسىزلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] قارىمۇقارشى زەرەتلىك ئىككى قۇتۇپ يېقىنلاشقاندا، ئۇچقۇن پەيدا بولۇش ھەم ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق بۇ قۇتۇپلاردا يۈز بېرىدىغان نېيتراللىشىش ھادىسىسى. چاقماق چېقىش تەبىئەت دۇنياسىدىكى زەرەتسىزلىنىشتۇر.

زەرەتلەنمەك

  • زەرەتلەنمەك[يەشمىسى:] «زەرەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زەرەتلىك

  • زەرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆتكۈزگۈچتە ئېلېكتر پوتېنسىئالى بولغان ياكى زەرەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بىر جىسىم ئىككىنچى بىر جىسىمنى ئۆزىگە تارتىدىغان؛ زەرەتلەنگەن:[مىسال:] زەرەتلىك مېزون.

زەرەتلىمەك

  • زەرەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تۇراقلىق توك مەنبەسىنى ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئىككى قۇتۇپىغا ئۇلاش ئارقىلىق ئاككۇمۇلياتورنى توك بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلماق.

زەرەر

  • زەرەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «زىيان»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ سودىسى ئاقماي بىر قېتىمدىلا مىڭ يۈەن زەرەر تارتتى.

زەرەر-زەخمەت

  • زەرەر-زەخمەت[يەشمىسى:] زەرەر ۋە زەخمەت.

زەرەرسىز

  • زەرەرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «زىيانسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] زەرەرسىز دورا.

زەرەرسىزلەندۈرمەك

  • زەرەرسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «زەرەرسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زەرەرسىزلەندۈرۈلمەك

  • زەرەرسىزلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «زەرەرسىزلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زەرەرسىزلەنمەك

  • زەرەرسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زەرەر قىلمايدىغان ھالەتكە كەلمەك.

زەرەرلىك

  • زەرەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «زىيانلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] بىلمەي تۇرۇپ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش قورقۇنچلۇق ۋە ئىنتايىن زەرەرلىك.

زەرەڭ

  • زەرەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەرەڭ ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ. گۈلى سارغۇچ يېشىل، مېۋىسى قاناتلىق مېۋە، ياغىچى قاتتىق، ياغىچىدىن ھەر خىل سايمانلار ياسىلىدۇ.

زەرب

  • زەرب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاتتىق، شىددەت؛ زەربە:[مىسال:] زەرب بىلەن تەپمەك. زەرب بىلەن ئۇرماق.

زەرباپ

  • زەرباپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] زەر يىپ قوشۇپ توقۇلغان ياكى ئالتۇن ھەل بېرىلگەنگە ئوخشاش كۆرۈنىدىغان يىپەكتىن توقۇلغان رەخت:[مىسال:] زەرباپ تون. زەرباپ دوپپا.

زەربە

  • زەربە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يوقىتىش رولىنى ئوينايدىغان كەسكىن ھەرىكەت:[مىسال:] بۇ قېتىمقى زەربە داۋۇت موللامغا ئالەمدىكى بارلىق زەربىلەردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولدى.[يەشمىسى:] ② ئېغىر شىكەست، قاتتىق زىيان-زەخمەت:[مىسال:] كالتەك زەربىسى بىلەن ئۇلاردىن ئىككىسى ئىككى ياققا يىقىلدى.

زەربىدار

  • زەربىدار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەڭگىۋارلىق ۋە ماھىرلىق بىلەن ۋەزىپىلەرنى ئاشۇرۇپ ئورۇندايدىغان ۋە ئىجابىي جەھەتتىن باشقىلارغا نەمۇنە بولالايدىغان ئىلغار شەخس:[مىسال:] ئىشلەپچىقىرىش زەربىدارى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] كەسكىن زەربە بېرىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن:[مىسال:] زەربىدار پولك.

زەربىدارلىق

  • زەربىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز ۋەزىپىسى، بۇرچىنى جەڭگىۋارلىق بىلەن ئورۇنلاش:[مىسال:] ياشلارنىڭ زەربىدارلىق، ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

زەربىلىك

  • زەربىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەربىسى بار، زەربە بېرىدىغان، زەربىگە ئىگە؛ زەربىدار.

زەرپۇرۇش

  • زەرپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق قىممەت باھالىق زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ-ساتقۇچى كىشى:[مىسال:] رازىيە زەرپۇرۇشنىڭ دۇكىنىدىن زىنھار كۆزىنى ئۈزمەيتتى.

زەرپۇرۇشلۇق

  • زەرپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەرپۇرۇشلار قىلىدىغان ئىش-ئوقەت:[مىسال:] زەرپۇرۇشلۇق قىلماق.

زەرچىۋە

  • زەرچىۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سېرىق كېلىدۇ. دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل بولۇپ، ئۇيۇغان قاننى تارقىتىش، يەلنى ھەيدەش رولىغا ئىگە. يەنە سېرىق بوياققا خام ئەشيامۇ قىلىنىدۇ.

زەرداب

  • زەرداب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۆڭۈل ئېلىشقاندا ياكى قەي قىلغاندا ئېغىزدىن يانىدىغان ئاچچىق سېرىق سۇ. [يەشمىسى:] ② جاراھەتلەنگەن، يارىلانغان ئورگاندىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ياكى ئۇنىڭدا يىغىلىپ قالىدىغان سۇيۇقلۇق:[مىسال:] ئەجەب بىر زامان بولدى، ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ. يۈرەكتىكى زەرداب سۇ، قانغا ئۆرۈلەي دەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، ئازاب-ئوقۇبەت، خاپىلىق:[مىسال:] زەرداب يۇتماق. زەرداب قىلماق. زەرداب بولماق.

زەردابلىق

  • زەردابلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم چەككەن، دەرد-ئەلەمگە تولغان؛ دەردلىك.

زەردار

  • زەردار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قول ئىلكىدە بار، باي؛ پۇلدار؛ دۆلەتمەن:[مىسال:] ئاي ئۆتۈپتۇ، يىل ئۆتۈپتۇ. ئوۋچى بوۋاي زەردار باي بولۇپ كېتىپتۇ.

زەردە

  • زەردە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئاشقازاندىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى، سەپرا:[مىسال:] پېتىر ناننى كۆپرەك يەپ قويسام، زەردەمنى قاينىتىپ قويىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچلۈك غەزەپ، نەپرەت، ئاچچىق:[مىسال:] زەردىسى ئۆرلىمەك. زەردە قىلماق. زەردىسى كۈچلۈك.

زەردۇشت

  • زەردۇشت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① زەردۇشت دىنىنىڭ ئاساسچىسى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ، Ⅶ ئەسىر ئارىلىقىدا ياشىغان. [يەشمىسى:] ② قەدىمكى پېرىسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارالغان بىر خىل دىن. ئۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى Ⅵ ئەسىردە زەردۇشت تەرىپىدىن پېرىسىيە (قەدىمكى ئىران)نىڭ شەرقىي قىسمىدا يارىتىلىپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ پېرىسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان. قۇلدارلىق ۋە دەسلەپكى فېئودالىزم دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران ۋە ئەزەربەيجاندا ئاساسىي دىن بولغان. ئۇنىڭ ماھىيىتى دۇئالىزمدۇر.

زەردىگۆش

  • زەردىگۆش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] غەزەپتىن ئۆرتەنگەن، ئېزىلگەن:[مىسال:] قەدىمدىن تارتىپ دەرد-ئەلەمدە زەردىگۆش بولۇپ ئۆلگەن ئادەملەر ئاز ئەمەس.

زەردىلىك

  • زەردىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① غەزىپى كۈچلۈك، ئاچچىقى يامان، مىجەزى ئىتتىك:[مىسال:] ئابلىكىم ئۈستىخانلىق، بەرجەس بولۇپ، تېخى ئۆيلەنمىگەن زەردىلىك يىگىت ئىدى.[يەشمىسى:] ② زەردە ئارىلاش، غەزەپلىك، غەزەپنى ئىپادىلەيدىغان:[مىسال:] زەردىلىك گەپ.

زەررە

  • زەررە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنەر-كۆرۈنمەس ئەڭ كىچىك بىرلىكى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتايىن ئاز، بەك كىچىك، كىچىككىنە، زەررىچە:[مىسال:] ياساۋۇللار زەررە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي بوۋاينى شاھنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ كەپتۇ.

زەررىچە

  • زەررىچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئەڭ كىچىك زەررە، ئەڭ كىچىك بۆلەكچە. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] ئازراق، ئازغىنە؛ كىچىككىنە:[مىسال:] بۈگۈن تۇرپان باشقىچە بولۇپ، ھاۋادا زەررىچە بولۇتمۇ يوق ئىدى.

زەررىچىلىك

  • زەررىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەررىچە چوڭلۇقتىكى، زەررىدەك؛ قىلچىلىك:[مىسال:] قورغان ئۈچۈن بولغان بۇ جەڭ چوڭ جەڭنىڭ زەررىچىلىك قىسمى ئىدى.

زەرقۇن

  • زەرقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى. گۈلى قىزىل، سېرىق ياكى ئاق رەڭلەردە.

زەرگەر

  • زەرگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق قىممەت باھالىق مېتاللاردىن ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى ياسايدىغان ئۇستا:[مىسال:] ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلەر (ماقال).

زەرگەرلىك

  • زەرگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەرگەر قىلىدىغان ئىش، ھۈنەر:[مىسال:] زەرگەرلىك قىلماق.

زەرلىك

  • زەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەرى بار، زەر باسقان، زەر گۈللۈك:[مىسال:] زەرلىك تاۋار. زەرلىك كۆڭلەك.

زەرنەپ

  • زەرنەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەرنەپ دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ياغىچى قاتتىق، ئوتتۇرىسى جىگەر رەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدىن نازۇك ئەسۋابلار ۋە قەلەم قاتارلىقلار ياسىلىدۇ.

زەرنىخ

  • زەرنىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. ئاساسلىق تەركىبى ئارسىن سۇلفىد. ئۇ كاۋا چېچىكى رەڭدە بولۇپ، پارقىرايدۇ. ئادەتتە رەڭلىك ئەينەك، دېھقانچىلىق دورىسى، بوياق ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە زەھەرنى ياندۈرىدىغان دورىمۇ تەييارلىنىدۇ.

زەقۇم

  • زەقۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان دوزاختىكى ناھايىتى ئاچچىق مېۋە:[مىسال:] ئاچچىق دەپ پۇشايماندىن قاچمىغۇلۇق، بىلىسەن بال قەدرىنى، يېسەڭ زەقۇم.

زەكەر

  • زەكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئەرلەر ۋە بەزى سۈت ئەمگۈچى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ بىر قىسمى. ئىچىدە تۈۋرۈك ھالىتىدىكى ئۈچ تال بۇلۇتسىمان نەيچە، ئوتتۇرىسىدا سۈيدۈك يولى بولىدۇ.

زەكىي

  • زەكىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆتكۈر، زېرەك، ئەقىللىق؛ ھوشيار:[مىسال:] ئەخمەتجان قاسىمى ھەقىقەتەن چېچەن، زەكىي ئادەم ئىدى.

زەگۈندە

  • زەگۈندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تام ئۇلى ياكى سۇپا قىرغاقلىرىغا ئورنىتىلغان ياغاچ. ئادەتتە ئۇ تام ئۇلىنىڭ زەيلىشىشى ياكى سۇپا قىرغاقلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] يۈسۈپ چوڭ سۇپىنىڭ زەگۈندىسىدە ئولتۇراتتى.

زەگۈندىلىك

  • زەگۈندىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەگۈندىسى بار، زەگۈندە ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ سەيدىنقارىينىڭ خېتىنى ھويلىدىكى زەگۈندىلىك سۇپىدا تۇرۇپلا ئوقۇدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىناكارلىقتا زەگۈندە ئورنىتىدىغان جاي. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەگۈندە بولىدىغان ھەم زەگۈندىلىك رولىنى ئوينايدىغان نەرسىلەر.

زەڭگەر

  • زەڭگەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يېشىل بىلەن كۆك ئوتتۇرىسىدىكى، ئاچ ھاۋا رەڭ، ماۋى:[مىسال:] زەڭگەر رەڭ. * زەڭگەر ئاسماندا بۇلۇتلار ئۈزمەكتە ئىدى.

زەڭگى

  • زەڭگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئافرىقىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قارا تەنلىكلەر ئىرقىغا مەنسۇپ كىشى؛ نېگىر.

زەللە

  • زەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مېھماندارچىلىق، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلاردا كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياكى كېلەلمىگەن مېھمانلارغا ئاتاپ بېرىلىدىغان يېمەكلىك:[مىسال:] زەللە ئالماق. زەللە قىلماق.

زەللىچى

  • زەللىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەللە ئېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، زەللىگە ئامراق ئادەم:[مىسال:] زەللىچى ئايال.

زەمباقى

  • زەمباقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆك بىلەن يېشىل ئارىلىقىدىكى رەڭ.

زەمبۇرۇغ

  • زەمبۇرۇغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تىپى.

زەمبىرەك

  • زەمبىرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] دۈشمەننىڭ جانلىق كۈچلىرىگە تالاپەت يەتكۈزۈش ھەمدە مۇداپىئە ئىنشائاتلىرىنى بۇزۇش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ئېغىر تىپتىكى بىر خىل قورال، توپ.

زەمبىرەكچى

  • زەمبىرەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەمبىرەك ئاتقۇچى، توپچى.

زەمبىرەكلىك

  • زەمبىرەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەمبىرىكى بار، زەمبىرەككە ئىگە بولغان، زەمبىرەك بىلەن قوراللانغان.

زەمبىل

  • زەمبىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىككى پاراللېل دەستىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دەرەخ نوتىسىدىن چوڭقۇرراق قىلىپ توقۇلىدىغان ياكى تاختا بېكىتىلىدىغان، توپا، قىغ، تاش قاتارلىقلارنى توشۇش ئۈچۈن تەييارلارنغان ئەمگەك قورالى:[مىسال:] زەمبىل توقۇماق. زەمبىل كۆتۈرمەك.

زەمبىلگە چۈشمەك

  • زەمبىلگە چۈشمەك[يەشمىسى:] قىماردا ئۇتتۇرۇپ، ياكى تىجارەتتە زىيان تارتىپ جىق قەرزدار بولۇپ قالغاندا، قەرزنى تۆلىمەي يېتىۋالماق؛ ئۆلۈكىنى ئارتماق:[مىسال:] قاسىم نۇرغۇن پۇل ئۇتتۇرۇپ قويۇپتىكەن، ئاڭلىساق زەمبىلگە چۈشۈپ يېتىۋاپتۇمىش، ئەمدى ئوينىمىغۇدەك.

زەمبىلچى

  • زەمبىلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① زەمبىل توقۇش، ياساش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى:[مىسال:] سىز ئۇستا زەمبىلچى ئىكەنسىزغۇ[يەشمىسى:] ② زەمبىل بىلەن بىرنەرسە توشۇغۇچى كىشى:[مىسال:] كەتمەنچىلەر بىر تەرەپتە، زەمبىلچىلەر بىر تەرەپتە ئەترەت باشلىقىنى كۈتۈپ تۇراتتى.

زەمچە

  • زەمچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① بەزى مېتال سۇلفاتلىرىنىڭ سۇلۇق كرىستاللىرى. مەسىلەن، كۆكتاش، تۆمۈر (Ⅱ) سۇلفات قاتارلىقلارغا ئوخشاش. [يەشمىسى:] ② بىر خىل ئانئورگانىك بىرىكمە يەنى كالىي سۇلفات بىلەن ئاليۇمىن سۇلفاتنىڭ سۇلۇق مۇرەككەپ تۇزى. رەڭسىز، سۈزۈك كرىستال.

زەمزەم

  • زەمزەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەككە شەھىرىدىكى كەبىنىڭ يېنىغا جايلاشقان مەشھۇر قۇدۇق. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ سۈيىنى تەۋەررۇك ھېسابلاپ ئىچىدۇ ۋە ئۆز يۇرتلىرىغا ئەكېتىدۇ.

زەن

  • زەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوي، پىكىر؛ خىيال، زېھىن؛ نەزەر، دىققەت:[مىسال:] زەن سالماق. زەن قويماق.

زەنجىر

  • زەنجىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مېتال ھالقىلارنىڭ رەتلىك ھالدا بىر-بىرىگە ئۆتكۈزۈلگەن تىزمىسى:[مىسال:] تۆمۈر زەنجىر. سائەت زەنجىرى. * تەلۋە تەپسە زەنجىر ئۈزەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىشىك ياكى دەرۋازىلارنى تاقاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىلگەك:[مىسال:] ئاتلىق ئەسكەر قىلىچىنىڭ سېپىنى تاشلاپ، ئېگەردىن ئېڭىشتى-دە، ئىشىكنىڭ زەنجىرىنى ئاچتى.[يەشمىسى:] ③ مەھبۇسلارنىڭ قولى، پۇتى ياكى بوينىغا سېلىنىدىغان تۆمۈر ھالقا؛ كىشەن.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ۋېلىسىپىت، موتسىكلىت ۋە تۈرلۈك مېخامىزملاردىكى ھەرىكەت ئۇزارتقۇچى قۇرۇلما. ئادەتتە كىچىك-كىچىك بۆلەكلەرنىڭ بىر-بىرىگە تەرتىپ بويىچە چېتىلىشى ئارقىلىق تۈزۈلىدۇ:[مىسال:] ۋېلىسىپىت زەنجىرى. زەنجىر تاپان تراكتور.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۈزلۈكسىز سىستېما ياكى لىنىيە ھاسىل قىلغۇچى ئېلېكتر ئەسۋابلىرى بىرىكمىسى:[مىسال:] ئېلېكتر زەنجىرى.[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] خىمىيىۋى بىرىكمىلەردىكى ئېلېمېنت ئاتوملىرى بىلەن باغدىن تۈزۈلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرىكىش ھالىتىنى كۆرسىتىدىغان سخېما.⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاسارەت، قۇللۇق:[مىسال:] جاھالەت زەنجىرى.

زەنجىر ئۈزەرە

  • زەنجىر ئۈزەرە[يەشمىسى:] خالىغىنىنى قىلىدىغان، باشباشتاق، تۈرتۈمچى.

زەنجىرسىز

  • زەنجىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەنجىرى يوق، زەنجىر بېكىتىلمىگەن:[مىسال:] زەنجىرسىز سائەت. زەنجىرسىز ئىشىك.

زەنجىرسىمان

  • زەنجىرسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەنجىرگە ئوخشايدىغان، بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەتكەن:[مىسال:] زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت. زەنجىرسىمان ئۆي.

زەنجىرلەتمەك

  • زەنجىرلەتمەك[يەشمىسى:] «زەنجىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەنۋەر ئاپىسىغا ئېيتىپ، ئىشىكنى سىرتتىن زەنجىرلىتىپ قويدى.

زەنجىرلەشمەك

  • زەنجىرلەشمەك[يەشمىسى:] «زەنجىرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دەرۋازىلىرىنى زەنجىرلىشىپ بولۇپ ئوڭ تەرەپتىكى خالتا كوچىغا كىرىپ كېتىشتى.

زەنجىرلەكسىز

  • زەنجىرلەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەنجىرلەپ قويۇلمىغان، زەنجىرلەنمىگەن:[مىسال:] «جالاق» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ زەنجىرلەكسىز ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى.

زەنجىرلەكلىك

  • زەنجىرلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەنجىرلەپ قويۇلغان، زەنجىرلەنگەن، زەنجىر بىلەن ئېتىلگەن:[مىسال:] ئۇ جەننەت ئاچىنىڭ «ئىشىك زەنجىرلەكلىك» دېگەن ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدى.

زەنجىرلەنمەك

  • زەنجىرلەنمەك[يەشمىسى:] «زەنجىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پۇت-قولى زەنجىرلەنگەن بۇ كىشى ئۆز ھاياتىنىڭ ئەڭ ئچېىنىشلىق كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىدى.

زەنجىرلىك

  • زەنجىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت..[يەشمىسى:] زەنجىرى بار، زەنجىر بېكىتىلگەن:[مىسال:] زەنجىرلىك ئىشىك. زەنجىرلىك قۇلۇپ.

زەنجىرلىمەك

  • زەنجىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زەنجىرنى ئېلىپ قويماق، زەنجىر بىلەن بېكىتمەك:[مىسال:] ئەزىزەم ئۆي، ھويلىنىڭ ئىشىكلىرىنى زەنجىرلەپ قويۇپلا شوپۇرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زەنجىر بىلەن باغلىماق، قاماللىماق:[مىسال:] ئاڭا ئاجىز تەلمۈرەتتى سارىيە، ئوتقا چۈشكەن ھۆل چىۋىقتەك تولغىنىپ، ئېغىر ھېسلار ئالغان ئۇنى زەنجىرلەپ، يىغلار ئىدى كۆز ياشلىرى قۇيۇلۇپ.

زەنجىۋىل

  • زەنجىۋىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولىنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، تەم تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە دورىمۇ تەييارلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى.

زەھەر

  • زەھەر[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزملارنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلاردا خىمىيىۋى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، بەدەن ئىچىدىكى توقۇلما ۋە ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنى بۇزۇش رولىنى ئوينايدىغان ماددا: ئوغا:[مىسال:] يىلاننىڭ زەھىرى.  سۈت-زەھەر بولسىمۇ يۇت (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى شەيئىدىن قېلىپ قالغان ھەمدە كىشى ئىدېئولوگىيىسىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسە؛ يامان تەسىر:[مىسال:] فېئودالىزمنىڭ زەھىرى. زەھىرىنى تازىلىماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى ئاچچىق:[مىسال:] نېمىدېگەن زەھەر بۇ، مە، ئۆزۈڭ ئىچ[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگەنەشتەردەك تېگىدىغان، دىلىغا ئازار بېرىدىغان:[مىسال:] سەن زەھەر تىلىڭنى يىغساڭ بۇلارمىكىن سىزدەك زەھەر ئادەمنى ئەزەلدىن كۆرگىنىم يۇق...[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاچچىق، دەرد-ئەلەم، غەزەپ-نەپرەت:[مىسال:] ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ زەھىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىچىك تەرەت:[مىسال:] زەھەر قىلماق.

زەھەرخەندە

  • زەھەرخەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] غەزەپ ۋە ئاچچىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان كۈلكە ۋە ئاشۇنداق كۈلىدىغان ئادەم:[مىسال:] بەس، ئەي، زەھەرخەندە دەپ ۋارقىراپتۇ جاللات تاز قۇلغا.

زەھەرخەندىلىك

  • زەھەرخەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاچچىق ۋە غەزەپ بىلەن كۈلۈش ھالىتى؛ ئۆچمەنلىك:[مىسال:] ئوسمان زەھەرخەندىلىك بىلەن ھىجىيىپ، ئۇنىڭغا قادىلىپ قاراپ تۇراتتى.

زەھەردەك

  • زەھەردەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاچچىق، بەك ئاچچىق:[مىسال:] قاتتىق شىۋىرغاننىڭ زەھەردەك سوغۇقى غالىپنىڭ سۆڭەك-سۆڭەكلىرىگە ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.

زەھەر-زەقۇم

  • زەھەر-زەقۇم[يەشمىسى:] زەھەر ۋە زەقۇم؛ ئىنتايىن ئاچچىق:[مىسال:] قارا بۇلۇت بەختسىزلىك توشۇپ كەلدى، توي ئىشىغا زەھەر-زەقۇم قوشۇپ كەلدى.

زەھەرسىز

  • زەھەرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەھىرى يوق، زەھەر ئارىلاشمىغان:[مىسال:] زەھەرسىز دورا. زەھەرسىز سۇيۇقلۇق.

زەھەرسىزلەندۈرمەك

  • زەھەرسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «زەھەرسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زەھەرسىزلەندۈرۈلمەك

  • زەھەرسىزلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «زەھەرسىزلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زەھەرسىزلەنمەك

  • زەھەرسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زەھەرسىز ھالەتكە كەلمەك؛ زەھىرى قايتماق، يانماق.

زەھەرلەندۈرمەك

  • زەھەرلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «زەھەرلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زەھەرلەندۈرۈلمەك

  • زەھەرلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «زەھەرلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زەھەرلەنمەك

  • زەھەرلەنمەك[يەشمىسى:] «زەھەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەپيۇننىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن جۇڭگو خەلقى قاتتىق زەھەرلەندى.

زەھەرلىك

  • زەھەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① زەھىرى بار، زەھەرلەيدىغان:[مىسال:] زەھەرلىك ئېلېمېنت. زەھەرلىك ئوق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە نەشتەردەك سانجىلىدىغان، ئالا كۆڭۈللۈك ھەم قارا نىيەتلىك يوشۇرۇنغان؛ ئىنتايىن ئاچچىق:[مىسال:] زەھەرلىك گەپ. زەھەرلىك قارىماق.

زەھەرلىمەك

  • زەھەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زەھەر بىلەن ئورگانىزمنى ئېغىر زەخىملەندۈرمەك:[مىسال:] گرادۇسى يۇقىرى ئىسپىرت ئادەمنى زەھەرلەيدۇ.[يەشمىسى:] ② زەھەر قوشماق، زەھەر سالماق:[مىسال:] تاماقنى زەھەرلىمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان تەسىر كۆرسەتمەك، يامان تەسىر بەرمەك، روھىي ئازاب بەرمەك:[مىسال:] ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بىلەن زەھەرلىمەك.

زەھەرلىنىش

  • زەھەرلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بەزى ماددىلارنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانلار تېنىدە خىمىيىۋى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى نەتىجىسىدە يۈز بېرىدىغان توقۇلمىلارنىڭ بۇزۇلۇشى، فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ياكى ئۆلۈشىگە ئوخشاش ھادىسىلەر.

زەۋەر

  • زەۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەرەب يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بەلگە، ئۇ يېزىقتا «—[DD(]′[DD)]» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سوزۇق تاۋۇش «ئە» گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

زەۋرەك

  • زەۋرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئەسلىي ماكانى ياۋروپانىڭ قۇرۇقلۇقى، مەملىكىتىمىزنىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.

زەئىپ

  • زەئىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جىسمانىي قۇۋۋىتى كەم، قۇۋۋەتسىز، ئاجىز، كۈچسىز:[مىسال:] بۇ زەئىپ بەدەننىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشكە توغرا كېلەتتى.[يەشمىسى:] ② سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتتىن كۈچى ئاجىز؛ كۈچسىز:[مىسال:] جۇڭگو ئىلگىرى مەدەنىيەتتە قالاق، ئىقتىسادىي ئەھۋالى زەئىپ بىر دۆلەت ئىدى.[يەشمىسى:] ③ پەس، بوش، سۇس، كۈچسىز، ئاجىز (ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] ئانا «ئاھ بالام» دەپ زەئىپ ئاۋازدا پىچىرلىدى.

زەئىپلەشتۈرمەك

  • زەئىپلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «زەئىپلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كېسەل مۆمىن ئاكىنىڭ قاۋۇل بەستىنى كۈندىن-كۈنگە زەئىپلەشتۈردى.

زەئىپلەشتۈرۈشمەك

  • زەئىپلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «زەئىپلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

زەئىپلەشتۈرۈلمەك

  • زەئىپلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «زەئىپلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دۈشمەننىڭ كۈچى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زەئىپلەشتۈرۈلدى.

زەئىپلەشمەك

  • زەئىپلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئاجىزلاشماق؛ كۈچى، قۇۋۋىتى، ماغدۇرى ئازايماق؛ ھالسىزلانماق:[مىسال:] شاھ سەنەم غېرىبتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە زەئىپلىشىپ، چىرايى زەپىراندەك سارغايدى.[يەشمىسى:] ② ئىقتىدارى تۆۋەنلىمەك، ناچارلاشماق (كۆز ۋە ئاۋاز قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ زەئىپلەشكەن خۇنسىز كۆزلىرى ھازىر ھېچنېمىنى پەرق ئېتەلمەيۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن كۈچسىزلەنمەك، ئاجىزلاشماق:[مىسال:] خاندانلىقىمىزنىڭ زەئىپلىشىپ ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسلەپ چەكسىز ئېچىنىۋاتىمەن.

زەئىپلىك

  • زەئىپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① زەئىپ ھالەت، كۈچسىزلىك، ماغدۇرسىزلىق، بوشىشىش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تېبابىتىدە، تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ پۈتۈن تېنى ماغدۇرسىزلىنىش، بەدىنىدىن ئوغرى تەر ۋە سوغۇق تەر چىقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.

زەيⅠ

  • زەيⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرى، ھۆل-يېغىننىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن تۇپراقتىكى ئېشىپ كەتكەن كۆپ مىقداردىكى سۇ، نەملىك:[مىسال:] زەي تارتماق. زەي قاچۇرماق. ∥ زەي يەر.

زەيⅡ

  • زەيⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆچكە تېرىسىدىن ئىشلەنگەن شوينا، تاسما:[مىسال:] تاش ئۈستىدە پادىچى، قولىدا زەي قامچىسى.[يەشمىسى:] ② ئوقيا ياكى پاختا ئېتىش دۇكىنىنىڭ كىرىچى:[مىسال:] زەينى چىڭ تارتماق. زەي سالماق.[يەشمىسى:] ③ قوينىڭ ئاچچىق ئۈچىيىدىن ياسالغان تار:[مىسال:] سول ياقتا ھەر خىل زەي ۋە سىم تارلىق چالغۇلۇق سازچىلار بىر-بىرىگە تەڭكەش قىلىپ ساز چالاتتى.

زەي سالماي پاختا ئاتماق

  • زەي سالماي پاختا ئاتماق[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى كۆپتۈرۈپ سۆزلىمەك؛ چوڭ گەپ قىلماق، پو ئاتماق:[مىسال:] ئادەم يوق زەي سالماي پاختا ئاتىسەن، مانا ئەمدى بىئەپ، ئوڭايسىز دەۋاتقىنىنى ئاۋۇ لامزەللىنىڭ

زەيⅢ

  • زەيⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆي جاھازلىرى ياكى پىچاق تىغى قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە ئويۇپ چىقىرىلىدىغان ئېرىقچە:[مىسال:] ئىشكاپنىڭ زېيى. پىچاقنىڭ زېيى.[يەشمىسى:] ② دوپپا، شەپكە قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىگە تۇتۇلىدىغان جىيەك. [يەشمىسى:] ③ جۇۋا، كۆرپە، ئۆتۈك قونچى، دىۋان قېپى قاتارلىقلارنىڭ تىكىچ ئارىلىقىغا ئېلىنغان زىغزىق. [يەشمىسى:] ④ سىر بىلەن ئىشلەنگەن زەدىۋال ئۈستىگە سىر ياكى باشقا نەرسىنى چاپلاش ئارقىلىق چىقىرىلغان سىزىقچە، يول.

زەيپانە

  • زەيپانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئاياللارغا خاس ئاياللار كىيىدىغان، ئايالچە:[مىسال:] زەيپانە كۆڭلەك. زەيپانە ئۆتۈك.[يەشمىسى:] ② مىجەز-خۇلقى ئاياللارغا ئوخشايدىغان، ئايال مىجەز:[مىسال:] زەيپانە يىگىت ∥ ما زەيپانىنى قارا، دېدى قۇددۇس ئۇنى مەسخىرە قىلىپ.

زەيپانىلىك

  • زەيپانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەيپانىلەرگە خاس ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] زەيپانىلىك قىلماق.

زەيتۇن

  • زەيتۇن[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەيتۇن ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. مېۋىسى ئۇزۇن ۋە ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ، مېۋىسىنىڭ ئىككى ئۇچى سەل ئۇچلۇق بولۇپ، رەڭگى يېشىل، يېگىلى بولىدۇ ۋە دورا ياسىلىدۇ. ئۇ يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ئىششىقىنىڭ شىپالىق دورىسى ھېسابلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دېڭىز كۆكى رەڭگىدىكى. [يەشمىسى:] ④ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

زەيكەش

  • زەيكەش[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەي ۋە نەم ئۆرلەپ تۇرىدىغان:[مىسال:] زەيكەش يەر. زەيكەش تام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەي سۇ ئاقىدىغان ياكى زەي سۇنى چىقىرىۋېتىدىغان ئېرىق، ئۆستەڭ:[مىسال:] زەيكەش چاپماق.

زەيكەشلىك

  • زەيكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① زەيكەش ئېلىنغان، زەيكەش چېپىلغان يەر:[مىسال:] كۆپچىلىك جۇشقۇن روھ بىلەن زەيكەشلىككە قاراپ مېڭىشتى.[يەشمىسى:] ② زەي ئۆرلەپ تۇرىدىغان، زەي قاپلاپ كەتكەن يەر:[مىسال:] كاساپەت سۇ ئامبىرى بۇ يەرنى زەيكەشلىككە ئايلاندۈرۈپ قويدى.

زەيلەتمەك

  • زەيلەتمەك[يەشمىسى:] «زەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىلقى كەلكۈن بۇ يەرلەرنى زەيلىتىۋەتتى.

زەيلەشتۈرمەك

  • زەيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «زەيلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زەيلەشتۈرۈلمەك

  • زەيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «زەيلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زەيلەشمەك

  • زەيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زەي ۋە نەم ھالەتكە كەلمەك؛ زەي، نەم تارتماق؛ نەملەشمەك:[مىسال:] ئۇ سىپىلاپ قۇدۇقنىڭ زەيلەشكەن تاملىرىغا يۆلىنىپ، سىرتقا قۇلاق ساپتۇ.

زەيلىك

  • زەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زەي ۋە نەم ئۆرلەپ تۇرىدىغان يەر:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئۆيى زەيلىكتىن خېلى يىراق ئىدى.

زەيلىمەك

  • زەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زەي ۋە نەم ئۆرلەپ كەتمەك، زەي قاپلىماق، زەيلەشمەك:[مىسال:] ھەممە يەر زەيلەپتۇ، شور كۆتۈرۈلۈپتۇ.

زەينەپ

  • زەينەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

زو

  • زو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] روزا كۈنلىرى سۈبھىدىن ئىلگىرى تاماق يېيىش ئىشى:[مىسال:] زوغا قوپماق. زو ۋاقتى.

زوخچۇماق

  • زوخچۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاپچىماق، سىلكىنمەك:[مىسال:] ئاپتوموبىل زوخچۇپ كەينىگە ياندى.

زودىئاك

  • زودىئاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئېكلىپتىكىنىڭ ئىككى يېنىدىكى سەككىز گرادۇسلۇق كەڭلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى دائىرە. ئادەتتە قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەر مۇشۇ دائىرە ئىچىدە ئايلىنىدۇ.

زور

  • زور[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوڭ، ناھايىتى چوڭ، يوغان، كاتتا، ئۇلۇغ، بۈيۈك:[مىسال:] زور تاغ. زور ئۈمىد.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى جىق، نۇرغۇن:[مىسال:] بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا دۈشمەنلەر زور چىقىم تارتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈچى بار، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك:[مىسال:] زور ئىرادە. زور تىرىشچانلىق. ∥ زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋىتى يۇقىرى، قۇدرەتلىك، زەبەر دەست:[مىسال:] زور چىقماق. زور كەلمەك. * ئۇ ھەقىقەتەن مەندىن زور كەلدى، ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدىم.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېسىم، مەجبۇرىيەت:[مىسال:] ئۇ چىرايىغا زور بىلەن كۈلكە يۈگۈرتۈپ گەپكە كىرىشتى.

زور بەرمەك

  • زور بەرمەك[يەشمىسى:] كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەپ باقماق، كۈچىنى مەركەزلەشتۈرمەك:[مىسال:] قېنى يىگىتلەر يەنە بىر قېتىم زور بېرىپ كۆتۈرەيلى!

زوراۋان

  • زوراۋان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈچىگە تايىنىپ، باشقىلارغا زورلۇق قىلىدىغان؛ زۇلۇم سالىدىغان:[مىسال:] تارىخ ھۆكمى شۇ ئەزەلدىن، تاڭ يورۇتار زۇلمەتنى. قۇل قىلالماس زوراۋان كۈچ، ھۆرلۈك سۆيەر مىللەتنى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈچىگە تايىنىپ، باشقىلارغا زورلۇق قىلغۇچى، زۇلۇم سالغۇچى كىشى؛ زالىم:[مىسال:] زوراۋانلاردىن قىساس ئالماق.

زوراۋانلىق

  • زوراۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زوراۋانلارغا خاس ئىش، ھەرىكەت، قىلمىش:[مىسال:] زوراۋانلىق قىلماق.

زورايتماق

  • زورايتماق[يەشمىسى:] «زورايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يەردە قوشۇن زورايتىشنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ.

زورايتىشماق

  • زورايتىشماق[يەشمىسى:] «زورايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

زورايتىلماق

  • زورايتىلماق[يەشمىسى:] «زورايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زورايماق

  • زورايماق [سۆز تۈركۈمى:] پېئىل [يەشمىسى:] ① يوغىنىماق، ئۆسمەك ، يېتىلمەك ، چوڭايماق؛ ئاينىماق: [مىسال:] بالىلارنىڭ يېشى زورايغانسېرى يېقىن كېلەچەك چېگرىسىنى يىراقلاشتۇرۇپ بېرىش لازىم.[يەشمىسى:] ② جىقلىماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك:[مىسال:] ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى زورايدى.[يەشمىسى:] ③ تەرەققىي قىلماق، كېڭەيمەك، راۋاجلانماق:[مىسال:] يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىلغارلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى.[يەشمىسى:] ④ كۈچەيمەك، ئاشماق:[مىسال:] غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىمىز بارغانچە زورايماقتا.

زوردىن-زورغا

  • زوردىن-زورغا[يەشمىسى:] مەجبۇرىي ھالدا، زورمۇزور، زورلۇق بىلەن:[مىسال:] ئۇ مېنى زوردىن-زورغا ئىقرار قىلدۇردى.

زورغا

  • زورغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەجبۇر ھالدا، ئىلاجسىزلىقتىن، زورمۇزور، زورلاپ:[مىسال:] مېنى تونۇۋالغان بۇ ئادەم ئالدىدىكى خىجىللىقىمنى يوشۇرماقچى بولۇپ زورغا كۈلۈمسىرىدى.

زورلاتماق

  • زورلاتماق[يەشمىسى:] «زورلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زورلاشماق

  • زورلاشماق[يەشمىسى:] «زورلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھە، ئۇلار سىزنى ئىچىشكە زورلاشتىمۇ دېدى ئاۋۇت ئولتۇرىۋېتىپ.

زورلانماق

  • زورلانماق[يەشمىسى:] «زورلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرى زورلىنىپراق يۆتەلدى.

زورلۇق

  • زورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چوڭلۇق، يوغانلىق. [يەشمىسى:] ② زوراۋانلىق:[مىسال:] ئاۋۋال ئىززەت، ئاندىن زورلۇق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ قىستاش، مەجبۇرلاش، زورلاش:[مىسال:] ئۇلار ئۇچرىغانلا ئادەمنى زورلۇق بىلەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىشقا قارار قىلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاياغ ئاستى قىلىنىش، خورلىنىش:[مىسال:] ئازادگۈل ئۈچىنچى بىر شەخس تەرىپىدىن زورلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.

زورلۇق كۈچ

  • زورلۇق كۈچ[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن دۈشمەن سىنىپقا قارىتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل مەجبۇرلاش كۈچى. مەسىلەن، ئارمىيە، ساقچى، سوت قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

زورلۇق-زومبۇلۇق

  • زورلۇق-زومبۇلۇق[يەشمىسى:] زورلاش، مەجبۇرلاش، قىستاشقا ئوخشاش زوراۋانلىق، ۋەھشىيلىك، ياۋۇزلۇق ھەرىكەتلىرى:[مىسال:] زورلۇق-زومبۇلۇق قىلماق.

زورلىماق

  • زورلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن بىرەر ئىشقا مەجبۇر قىلماق، ئىختىيارىدىن تاشقىرى ئىش قىلىشقا قىستىماق:[مىسال:] تاماققا زورلىماق. * زورلىغاننىڭ زورى بار، ئىسسىق ناننىڭ ھورى (ماقال).

زورمۇزور

  • زورمۇزور[يەشمىسى:] مەجبۇرىي ھالدا، قىستاپ، زورلاپ؛ سەۋەبسىزلا:[مىسال:] زورمۇزور كۈلۈمسىرىمەك. زورمۇزور ئېلىشماق.

زورۇقتۇرماق

  • زورۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «زورۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىرچە قولۇڭدىن كەلمەيدىغان خىياللارغا بېرىلىپ، كېسىلىڭنى زورۇقتۇرۇۋالما، دېدى ئانا ئوغلىغا.

زورۇقماق

  • زورۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچىمەك:[مىسال:] تاشۋاي ۋە باراتلار شۇنچە زورۇقۇپمۇ كىشىلەر توپى ئارىسىغا قىسىلىپ كىرەلمىدى.[يەشمىسى:] ② ئېغىر ئىش-ھەرىكەت قىلىش ياكى باشقا سىرتقى تەسىردىن ئېغىرلاشماق (كۆپىنچە كېسەللىك ھەققىدە):[مىسال:] ئېغىر ئەمگەكتىن ئۇنىڭ يارىسى زورۇقۇپ، قاماقخانىدىكى تىنچىقتا تېزلا سېسىشقا باشلىدى.

زورۇقۇشماق

  • زورۇقۇشماق[يەشمىسى:] «زورۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۈگۈنكى ئەمگەكتە بەك زورۇقۇشۇپ كېتىپتۇ.

زوق

  • زوق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئېستېتىكىلىق لەززەت بېغىشلايدىغان نەرسىلەر تەسىرىدىن كىشىدە پەيدا بولىدىغان ياخشى كەيپىيات؛ ھۇزۇر:[مىسال:] زوق ئالماق. *مەن گۈزەلئاينىڭ چالغان ساز ۋە ئاۋازىنى كۆزلىرىمنى يېرىم يۇمۇپ زوق بىلەن ئاڭلايمەن.[يەشمىسى:] ② ئىشتىياق، ھەۋەس، قىزىقىش:[مىسال:] ئالتۇندەك يەرلەر ئىكەن-دە، دەۋەتتى زوقىنى باسالماي قالغان رەپىق ئاكا ئېتىزغا قاراپ.

زوق-شوق

  • زوق-شوق[يەشمىسى:] زور ئىشتىياق، زور ھەۋەس:[مىسال:] ئۇ بولغان ئىشلارنى زوق-شوق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى.

زوقلاندۇرماق

  • زوقلاندۇرماق[يەشمىسى:] «زوقلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ناخشىسى كىشىنى باشقىچە زوقلاندۇراتتى.

زوقلاندۇرۇلماق

  • زوقلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «زوقلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زوقلانماق

  • زوقلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زوققا تولماق، خۇشاللانماق؛ لەززەتلەنمەك؛ ھۇزۇرلانماق:[مىسال:] دادام يول چېتىدىكى گۈلزارلىقلارغا زوقلىنىپ قاراپ كېلىۋاتاتتى.

زوقلىنارلىق

  • زوقلىنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لەززەتلىنىشكە ئەرزىيدىغان، ھۇزۇرلانغۇدەك، ھەۋەسلەنگۈدەك:[مىسال:] مەكتەپ زوقلىنارلىق دەرىجىدە جۇشقۇن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.

زوقلىنىشماق

  • زوقلىنىشماق[يەشمىسى:] «زوقلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار ئۇچۇۋاتقاندا لەگلەكلىرىدىن زوقلىنىشاتتى.

زوقمەن

  • زوقمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] زوقى بار، ئىشتىياقى بار، قىزىقىدىغان:[مىسال:] زوقمەن ئادەم.

زوقمەنلىك

  • زوقمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈچلۈك قىزىقىش، ھەۋەس قىلىش:[مىسال:] راۋاب ۋە ناخشىسىنىڭ مۇڭلۇق سادالىرى ئىچىدە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىلھام ۋە زوقمەنلىكنىڭ ئوتى يېقىلدى.

زوڭ

  • زوڭ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «زوڭ ئولتۇرماق»قا قاراڭ.

زوڭ ئولتۇرماق

  • زوڭ ئولتۇرماق[يەشمىسى:] ① تىزىنى پۈكۈپ ساغرىسىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئولتۇرماق، زوڭزايماق:[مىسال:] سەمەت زوڭ ئولتۇرۇپ، كىچىك بالىدەك كۆزىنى ئۇۋۇلاپ يىغلاپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا، جۈملىدىن سودىدا زىيان تارتماق:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىمقى سودىدا خېلى جىق زوڭ ئولتۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋەدىسىدىن يېنىۋالماق؛ بېلى بوشاپ كەتمەك:[مىسال:] ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقىنى سەزگەن ئادىل ئەتىسىلا زوڭ ئولتۇرۇۋالدى.

زوڭزايتماق

  • زوڭزايتماق[يەشمىسى:] «زوڭزايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆتەكتەك ئېغىر سالمىقى جامبۇلنى لوككىدە زوڭزايتىپ قويدى.

زوڭزايماق

  • زوڭزايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىزىنى پۈكۈپ ساغرىسىنى يەرگە تەگكۈزمەي دۈمچىيىپ ئولتۇرماق؛ زوڭ ئولتۇرماق:[مىسال:] توختى بېشىنى ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ جايىدىلا لاسسىدە زوڭزايدى.

زوڭزىيىشماق

  • زوڭزىيىشماق[يەشمىسى:] «زوڭزايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار باغدىكى شاتۇت دەرىخىنىڭ ئاستىدا زوڭزىيىشتى.

زولقا

  • زولقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۆت چاسا، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى كىچىك ۋە ئاق كېلىدۇ، يۇمران يوپۇرمىقىنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ، ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ.

زولۇق

  • زولۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] روزا كۈنلىرى باش سۈبھىدىن ئىلگىرى يېيىلىدىغان تاماق:[مىسال:] زولۇق يېمەك. زولۇق تەييارلىماق.

زومچەك

  • زومچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر يەرگە يىغىلغان، توپلانغان؛ غۇژمەك:[مىسال:] شەھەر ئىچىدە سانسىزلىغان زومچەك ئۆيلەر مۇڭلىنىپ تۇراتتى.

زومچەك-زومچەك

  • زومچەك-زومچەك[يەشمىسى:] توپ-توپ، غۇژمەك-غۇژمەك.

زومچەيمەك

  • زومچەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] توپلانماق، جۇغلانماق، غۇژمەكلەشمەك.

زومىگەر

  • زومىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ بىرەر جاي ياكى ساھەنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان، خەلقنى بوزەك قىلىدىغان ھەمدە باشقىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش بەدىلىگە ھايات كەچۈرىدىغان ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار:[مىسال:] پۇل زومىگىرى. يەر زومىگىرى. ∥ زومىگەر ئۇنسۇر.

زومىگەرلەشمەك

  • زومىگەرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زومىگەرگە ئايلانماق، ئۆزىنىڭ كۈچ-زورىغا تايىنىپ باشقىلارنى بوزەك قىلماق.

زومىگەرلىك

  • زومىگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ساھە، بىرەر جاينى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش، مونوپول قىلىۋېلىش قىلمىشى؛ زومىگەرلەرگە خاس ئىش-ھەرىكەت، قىلمىش:[مىسال:] سەن مېنى زومىگەرلىك قىلىپ بېيىدى دەپ ئويلاپ قالغانسەن لېكىن ياق، بىز زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش يولىدىكى كۈرەشنى ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرىمىز.

زونا

  • زونا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر بەلگىسى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھەم مۇئەييەن چېگرىلەر بىلەن قورشالغان يەر؛ رايون.

زونت

  • زونت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئىچكى ئەزالارنى تەكشۈرۈش، داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەي شەكىللىك ئەسۋاب. [يەشمىسى:] ② يەر ئاستى قاتلاملىرىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان بۇرغا ياكى شۇنداق ئەسۋاب.

زوئوتېخنىك

  • زوئوتېخنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] «زوئولوگ»قا قاراڭ.

زوئولوگ

  • زوئولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] زوئولوگىيە ئالىمى، زوئولوگىيە مۇتەخەسسىسى.

زوئولوگىيە

  • زوئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فە ئوخشايدىزىئولوگىيىسى، ئېكولوگىيىسى، تۈرلەرگە بۆلۈنۈش، تارقىلىشى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

زويزا

  • زويزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى، دەسسىلىشكە چىداملىق كېلىدۇ، تېرىپ چىملىق ھاسىل قىلىشقا مۇۋاپىق.

زۇپا

  • زۇپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تېنىدىن خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. گۈلى ھاۋا رەڭ، غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، يۆتەلنى توختىتىپ، دەم سىقىلىشنى باسىدۇ، ئادەتتە زىققىنىڭ ياخشى دورىسى ھېسابلىنىدۇ. تەڭرىتاغ، ئالتاي تاغلىرىدىن تېپىلىدۇ.

زۇغۇي

  • زۇغۇي[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوق يەردىن گەپ تاپىدىغان، پىتنە-پاسات پەيدا قىلىدىغان، پىتنىخور:[مىسال:] − زۇغۇي دەللە، كۆرگىنىڭ يالغان، − دېدى ئاسىدە غەزەپ بىلەن مەنسۇرگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] پىتنە-پاسات، ئويدۇرما:[مىسال:] بىزگە ياغدى ھىدايەت، تۇغۇلدى لاتاپەت. ئوينايمىز، ئەتە شادلىق توي، چۈنكى، يوقالغۇسى شۇم زۇغۇي.

زۇغۇيلۇق

  • زۇغۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىتنە-پاسات تېرىيدىغان، يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىدىغان قىلىق:[مىسال:] ھىسام ئاكا قاچانغىچە زۇغۇيلۇق قىلىسەن دېدى ئاتلىقلاردىن بىرى قامچىسىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ.

زۇكام

  • زۇكام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەن ھەددىدىن زىيادە چارچىغان، شامالدىغان ۋە كېسەلگە قارشى كۈچ ئاجىزلاشقاندا، ئوڭاي پەيدا بولىدۇ ۋە يۇقىدۇ. بۇنىڭدا، گال قۇرۇش، دىماغ پۈتۈش، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، باش ئاغرىش ۋە قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

زۇكامدىماق

  • زۇكامدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زۇكام بولماق، زۇكام بىلەن يۇقۇملانماق، ئاغرىماق:[مىسال:] مەتنىياز مۇدىر خام سېمىز، دائىم زۇكامداپ، بۇرنىغا ماسكا تاقاپ يۈرىدىغان ئادەم ئىدى.

زۇڭتۇڭ

  • زۇڭتۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بەزى جۇمھۇرىيەتلەردە جۇمھۇرىيەت باشلىقىنىڭ نامى.

زۇڭلى

  • زۇڭلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① دۆلىتىمىزدىكى گوۋۇيۈەننىڭ رەھبىرىي خادىمىنىڭ نامى. [يەشمىسى:] ② بەزى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى. [يەشمىسى:] ③ بەزى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ نامى.

زۇلال

  • زۇلال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئىنتايىن سۈزۈك، تىنىق، ساپ:[مىسال:] زۇلال ئاسماندا بوز تورغاي، قىلار جەۋلان تىنىم تاپماي.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

زولپ

  • زولپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ ئىككى چېكىسىدىكى چاچ، كوكۇلا:[مىسال:] ئېتىپ زۇلپى چېچىن ھەيران، خالايىقنى قىلىپ ۋايران، بىلەكىدە ئېشىپ زەنجىر، بوينۇمغا سالار كەلدى.

زۇلپكەش

  • زۇلپكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ چېچىنى تارىغۇچى، چاچ سالغۇچى ئايال:[مىسال:] زۇلپكەشا، زۇلپكەش، كەل خېنىم زۇلپىمنى يەش. ئىككى دەردمەن بىر بولۇپ، ئىچىمدىكى رەنجىمنى يەش.

زۇلپۇڭ

  • زۇلپۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەرە، بوغۇن.

زۇلپىقار

  • زۇلپىقار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① رىۋايەتلەردىكى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىشلەتكەن قىلىچى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى ئۆتكۈر قىلىچ. [يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

زۇلقەدە

  • زۇلقەدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھىجىرىيىنىڭ 5-ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى 11-ئاي، 30 كۈن بولىدۇ.

زۇلمەت

  • زۇلمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى قاراڭغۇلۇق:[مىسال:] ئۆي ئىچىنى قاراڭغۇ زۇلمەت قاپلىغانىدى. ∥ زۇلمەت كېچە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نادانلىق، جاھالەت:[مىسال:] ئەل-يۇرتنى زۇلمەت باسماق.

زۇلمەتلىك

  • زۇلمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان، قاپقاراڭغۇ:[مىسال:] كۈرەش بىلەن يول ئېچىپ زۇلمەتلىك كۈنلەرنى تاڭغا ئۇلىدۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلمەتكە تولغان، جاھالەت قاپلىغان؛ قالاق:[مىسال:] زۇلمەتلىك دۇنيانىڭ قاراڭغۇ بىر بۇرجىكى ئاستا-ئاستا مېنىڭ كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

زۇلھەججە

  • زۇلھەججە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھىجىرىيىنىڭ 12-ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى 12-ئاي، 29 كۈن بولىدۇ.

زۇلۇم

  • زۇلۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارغا، زالىملارنىڭ مەزلۇملارغا، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارغا سالىدىغان جەبىر-جاپاسى؛ شەپقەتسىز ئېزىش؛ ئىستىبداتلىق:[مىسال:] مىللىي زۇلۇم. سىنىپىي زۇلۇم. * زۇلۇم زىنداندىن يامان (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن جەبىر-جاپا، مۇشەققەت:[مىسال:] زۇلۇم سالماق. كۈنداشلىق زۇلمى.

زۇلۇم-سىتەم

  • زۇلۇم-سىتەم[يەشمىسى:] تۈرلۈك زۇلۇم ۋە تىل-ھاقارەتلەر؛ ئازاب-ئوقۇبەت، كۈلپەت، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىقلار:[مىسال:] شاھ مەھمۇرخان پۇقرالارغا تولا زۇلۇم-سىتەم قىلغان ئوخشايدۇ.

زۇلۇمكار

  • زۇلۇمكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] زۇلۇم سالغۇچى، زۇلۇم قىلغۇچى، زالىم:[مىسال:] بۇ زۇلۇمكار بەتبەختكە مىڭ دەررە ئۇرۇلسۇن دەپتۇ پادىشاھ.

زۇمرەت

  • زۇمرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىدە خروم بولغانلىقى ئۈچۈن ياپيېشىل كۆرۈنىدىغان بىر خىل قىممەت باھالىق تاش. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

زۇننار

  • زۇننار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① زىننەتلىك بەلۋاغ، كەمەر. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاياللار بوينىغا ئاسىدىغان قىممەت باھالىق بۇيۇملارنىڭ بىرى:[مىسال:] رازىيەنىڭ زۇننارىنىڭ ياقۇت كۆزى ۋالىلدىماقتا ئىدى.

زۇۋان

  • زۇۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تىل، گەپ-سۆز:[مىسال:] زۇۋان سۈرمەك. * پالتىدىن زۇۋان كەپتۇ، قاتىلدىن ئىمان كەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۈن، ئاۋاز، تاۋۇش:[مىسال:] ھىم زۇۋانىڭنى چىقارما، ئادەم، ئادەم... كېلىۋاتىدۇ، دەپتۇ شىر.

زۇۋانىنى دارغا تارتماق

  • زۇۋانىنى دارغا تارتماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئەدىپىنى، دەككىسىنى بەرمەك؛ زەربە بەرمەك:[مىسال:] زۇۋانىڭ دارغا تارتىلغاندىن كېيىن، ئاندىن سېنىڭ نوچىلىقىڭنى كۆرىمىز، -دەپ سەت ۋارقىرىدى ھاكىم.

زۇۋاندار

  • زۇۋاندار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سۆزمەن، ناتىق، سۆزگە ئۇستا.

زۇۋانداراز

  • زۇۋانداراز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] گەپكە ئۇستا؛ جەلپ قىلارلىق، چىرايلىق، يېقىملىق سۆز قىلىدىغان؛ سۆزمەن، ناتىق:[مىسال:] مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام ھەممە جەھەتتىن يېتىشكەن ئالىم، كۆپچىلىكنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرەلەيدىغان زۇۋانداراز ئادەم ئىدى.

زۇۋاندارازلىق

  • زۇۋاندارازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۆزگە ئۇستىلىق، سۆزمەنلىك، ناتىقلىق:[مىسال:] ئېرپاننىڭ چېچەنلىكى، چاقماقتەك زۇۋاندارازلىقىدىن ھەممەيلەن ھەيران قالدى.

زۇۋانسىز

  • زۇۋانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زۇۋانى يوق، تىلسىز، گەپ-سۆز قىلمايدىغان:[مىسال:] قاتتىق زەربىدىن كېيىن زۇۋانسىز بولۇۋالدىم.

زۇۋانسىزلىق

  • زۇۋانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپ گەپ قىلىشنى خالىمايدىغان مىجەز-خاراكتېر، سۆزلىمەسلىك.

زۇۋۇلا

  • زۇۋۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نان يېقىش ۋە چۆپ يېيىش ئۈچۈن تەييارلانغان يۇمىلاق خېمىر:[مىسال:] زۇۋۇلا قىلماق. زۇۋۇلا تۇتماق.

زۇۋۇلىسى چوڭ

  • زۇۋۇلىسى چوڭ[يەشمىسى:] تەلىيى، ئامىتى، بەختى بار؛ پېشانىسى ئوڭ:[مىسال:] ھوي مەلىكەم خۇدا تەلەيلىرىنى ئوڭ، زۇۋۇلىلىرىنى بەك چوڭ قىلىپ ياراتقانىكەن، دېدى كەمپىر.

زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەن

  • زۇۋۇلىسى چوڭ ئۈزۈلگەن[يەشمىسى:] تۇغۇلىشىدىنلا تەلىيى بار، ئامەتلىك، بەختلىك، پېشانىسى ئوڭ:[مىسال:] تۆرەم، ئۆزلىرى زۇۋۇلىلىرى چوڭ ئۈزۈلگەن ئادەم ئىكەنلا، دېدى ساھىبخانا سۆز باشلاپ.

زۇۋۇلىسى كىچىك

  • زۇۋۇلىسى كىچىك[يەشمىسى:] تەلىيى، ئامىتى يوق، بەختى كاج، تەتۈر پېشانە.

زۇۋۇلىسى كىچىك ئۈزۈلگەن

  • زۇۋۇلىسى كىچىك ئۈزۈلگەن[يەشمىسى:] تۇغۇلۇشىدىنلا بىتەلەي، ئامەتسىز، بەختى كاج، پېشانىسى تەتۈر بولغان:[مىسال:] سىز بىلمەيسىز، ئۆيىمىزنىڭ زادىلا تاپاۋىتى يوق، زۇۋۇلىمىز كىچىك ئۈزۈلگەن چېغى.

زۆرۈر

  • زۆرۈر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى ئېھتىياج ئۈچۈن كېرەك بولغان لازىملىق؛ كېرەكلىك:[مىسال:] مۇشۇ تاپتا ئەڭ زۆرۈر نەرسە يىقىلغۇ.[يەشمىسى:] ② تېز قىلىنىشى لازىم بولغان، مۇھىم:[مىسال:] بۇ ھەقتە رەھمەتجان بىلەن مۇڭدىشىشمۇ زۆرۈر ئىدى.

زۆرۈرلۈك

  • زۆرۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھىملىق، جىددىيلىك:[مىسال:] سەمەت ھەمراھلىرىنى ئاۋۋال قېچىشقا تەشكىللەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

زۆرۈرىي

  • زۆرۈرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] زۆرۈر، كېرەكلىك بولغان، ئىنتايىن مۇھىم:[مىسال:] ئىجتىمائىي زۆرۈرىي ئەمگەك.

زۆرۈرىيەت

  • زۆرۈرىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى نەرسىگە بولغان ئېھتىياج؛ زۆرۈرلۈك، ھاجەت:[مىسال:] بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن ئابلىزقارى قانداقتۇر زۆرۈرىيەت بىلەن بۇ يەرگە بىر كەلگەنىدى.

زۆھرە

  • زۆھرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ۋېنېرا، چولپان يۇلتۇزى. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

زۈلۈك

  • زۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم تەنلىك ھايۋان. تېنى ئۇزۇنچاق ۋە سەل ياپىلاق، پارازىت ياشايدۇ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شورايدۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئەمگىكى ھېسابىغا ياشايدىغان، تىرىكتاپ ئادەم.

زۈھەل

  • زۈھەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ساتۇرن يۇلتۇزى.

زې

  • زې [يەشمىسى:] «ز» ھەرپىنىڭ نامى.

زېدە

  • زېدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① زەخىملەنگەن ياكى سېسىغان جاي، ئىز؛ يارا، جاراھەت:[مىسال:] زېدىسى يوق ئالما. ∥ زېدە قوغۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، ھەسرەت:[مىسال:] گالۋاڭ ئېگىزنىڭ بېشى ھەمىشە زېدە (ماقال).

زېدىلەندۈرمەك

  • زېدىلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «زىدىلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساقالنى قىرغاندا بەك قىرماسلىق ۋە تېرىنى زېدىلەندۈرۈپ قويماسلىق لازىم.

زېدىلەنمەك

  • زېدىلەنمەك[يەشمىسى:] «زېدىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زېدىلىمەك

  • زېدىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زېدە قىلماق، زەخىملەندۈرمەك، جاراھەتلەندۈرمەك؛ سېسىتماق، يارا قىلماق:[مىسال:] قول بىلەن كولاپ بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىنى زېدىلىمەسلىك لازىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ئەلەمگە تولدۇرماق، ئازابلىماق:[مىسال:] يۈرەكنى زېدىلەيدىغان گەپ قىلماق.

زېدىماق

  • زېدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زېرىكمەك.

زېرەك

  • زېرەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تېز ئويلىيالايدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، كاللىسى ئىشلەيدىغان؛ سەزگۈر، ئەقىللىق، ھوشيار، چېچەن:[مىسال:] زېرەك ئايال. زېرەك قىز.∥ نادان گۈلگە يۈگۈرىدۇ، زېرەك مېۋىگە(ماقال).

زېرەكلەشتۈرمەك

  • زېرەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «زېرەكلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زېرەكلەشمەك

  • زېرەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زېرەك، ھوشيار ھالەتكە كەلمەك؛ سەزگۈرلۈكى، چېچەنلىكى ئاشماق:[مىسال:] ئۇ چوڭ بولغانسېرى زېرەكلىشىپ چاشقان كۆشىگەننى تۇيىدىغان، تېز پىكىر قىلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

زېرەكلىك

  • زېرەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زېھنى ئۆتكۈرلۈك، ھوشيارلىق، سەزگۈرلۈك:[مىسال:] ئالماقلىقزېرەكلىك، بەرمەكلىك نادانلىق (ماقال).

زېرىكەرلىك

  • زېرىكەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «زېرىكىشلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] مەن بۇ زېرىكەرلىك «يوليورۇق»نىڭ تېزراق تۈگىشىنى بىتاقەت بولۇپ كۈتتۈم.

زېرىكتۈرمەك

  • زېرىكتۈرمەك[يەشمىسى:] «زېرىكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خوتۇننى زېرىكتۈرەي دېسەڭ، ھۆل ئوتۇن ئېلىپ بەر (ماقال).

زېرىككەك

  • زېرىككەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان زېرىكىدىغان، كۆپ زېرىكىدىغان:[مىسال:] زېرىككەك بولماڭ، تېرىككەك بولماڭ، كۆڭۈلچەك بولماڭ، ئېرىنچەك بولماڭ (ماقال).

زېرىككەكلىك

  • زېرىككەكلىك [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ئاسانلا زېرىكىپ قالىدىغان مىجەز ، خاراكتېر : [مىسال:] ئېرىنچەكلىك، زېرىككەكلىك، تېرىككەكلىكلەرگە قارىغاندا، ھەر ھالدا، كۆڭۈلچەكلىك ياخشى.

زېرىكمەك

  • زېرىكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىچى پۇشماق، بىزار بولماق، بەزمەك:[مىسال:] دۇنيادا ئەخمەق بولمىسا، ئەقىل ئىگىلىرى زېرىكىپ قالىدۇ.

زېرىكمەي-تېرىكمەي

  • زېرىكمەي-تېرىكمەي[يەشمىسى:] پەقەت ئىچ پۇشۇقى ھېس قىلماي ۋە ئاچچىقلانماي، قەتئىي باش تارتماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن:[مىسال:] ئۇ ئاشۇنداق زېرىكمەي-تېرىكمەي ئارىلىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى كارخانىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بىرقەدەر خەۋەردار بولدى.

زېرىكىشلىك

  • زېرىكىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى پۇشىدىغان، زېرىكىش ھېس قىلىدىغان:[مىسال:] رەيھان ئۈچۈن ۋارسجان ئارتۇقچە ۋە زېرىكىشلىك بىر ئادەم بولۇپ قالدى.

زېرىكىشمەك

  • زېرىكىشمەك[يەشمىسى:] «زىرىكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] زېرىكىشىپ ئولتۇرۇشقان ئەدەبىياتچىلار ئۇنىڭ كەلگەنلىكى ئېلان قىلىنىشى بىلەن جانلىنىپ كەتتى.

زېلكوۋا

  • زېلكوۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىياغاچ ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېۋىسى قاتتىق ۋە سۇغا چىداملىق بولىدۇ.

زېمىن

  • زېمىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① يەر شارى، يەر يۈزى، تۇپراق:[مىسال:] كەڭ زېمىن.  كۈن زېمىننى يورۇتار، بىلىم مېڭىنى (ماقال).[يەشمىسى:] ② تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغان يەر؛ ئېكىنزارلىق:[مىسال:] قاراڭ، ئاۋۇ تەرەپ چەكسىز مۇنبەت زېمىن، پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىق.[يەشمىسى:] ③ ئولتۇراق جاي؛ ئىگىدارچىلىقتىكى يەر:[مىسال:] بۇ ھويلا تۆمۈر خەلپىلەرنىڭ ئۆز زېمىنى ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قولايلىق شەرت-شارائىت، ئىمكانىيەت:[مىسال:] ئالدىنقىلار بىزگە زېمىن ھازىرلاپ بەردى.

زېمىن سىرتى ھوقۇقى

  • زېمىن سىرتى ھوقۇقى[يەشمىسى:] دۆلەتلەر ئارا بىر-بىرىنىڭ دىپلوماتىك ئەمەلدارىغا بېرىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ئىمتىياز.

زېمىندار

  • زېمىندار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نۇرغۇن يەر-زېمىن ئىگىلىگەن ئادەم، كۆپ يەر-زېمىن ئىگىسى:[مىسال:] مۇھەممەد باي يۇرتىمىزدىكى كاتتا زېمىندارلارنىڭ بىرى ئىدى.

زېنىت

  • زېنىت[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ۋېرتىكال سىزىقىنى ئۇزارتقاندا، ئاسمان شارى بىلەن ئۆزئارا كېسىشكەن نۇقتا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئاسماندىكى ئۇچۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئوققا تۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان:[مىسال:] زېنىت توپ. زېنىت پىلىموت.

زېھنىي

  • زېھنىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] زېھىن ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئائىت:[مىسال:] زېھنىي قابىلىيەت. زېھنىي مەشغۇلات.

زېھىن

  • زېھىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىنساننىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى؛ ئەس-ھوش، ئەقىل، ئىدراك:[مىسال:] ئۇ ھوشۇر ئاكامنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ تىڭشاۋاتاتتى.

زېھىنسىز

  • زېھىنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زېھنى ئاجىز، زېھنى تۇتۇق، گالۋاڭ.

زېھىنسىزلىك

  • زېھىنسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زېھنى ئاجىزلىق، گالۋاڭلىق.

زېھىنلىك

  • زېھىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زېھنى ئۆتكۈر، ھوشيار، زېرەك:[مىسال:] زېھىنلىك جەمىلە باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلاچىلار قاتارىدا تاماملىدى.

زىبا

  • زىبا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① قەددى-قامىتى كېلىشكەن، چىرايلىق، گۈزەل، بەرنا:[مىسال:] زىبا قىز. * بەللى، بەللى، 19 ياش ھاياتنىڭ زىبا چېغى.[يەشمىسى:] ② كۆركەم:[مىسال:] زىبا نەقىشلەر.

زىبالىق

  • زىبالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆركەملىك، گۈزەللىك:[مىسال:] خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نەئەتىۋار (ماقال).

زىبرە

  • زىبرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاپورتنىكلارنىڭ بىر تۈرى، يەنى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، قورۇش، قان توختىتىش رولى بار. ئادەتتە سوڭى چىقىپ قېلىش، قان قۇسۇش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش كېسەللىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

زىب-زىب

  • زىب-زىب [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرجايدا تۇرالمايدىغان (بالىلار ھەققىدە).

زىبۇزىننەت

  • زىبۇزىننەت[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ ھەر خىل زىننەت بۇيۇملىرى؛ بېزەك:[مىسال:] خۇمار قىز كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەتكە تويمايتتى.

زىبىز

  • زىبىز[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پەقەت، زادىلا.

زىبىلدىماق

  • زىبىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىر جايدا جىم تۇرماي، سەكرەپ يۈرمەك.

زىپچىك

  • زىپچىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] دوختۇرخانا، مەتبەئەچىلىك قاتارلىقلاردا، پاختا، قوغۇشۇن ھەرپ ۋە ئۇششاق نەرسىلەرنى قىسىپ تۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ. ئادەتتە مېتالدىن ياسىلىدۇ.

زىت

  • زىت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى، خىلاپ بولغان؛ ئۆزئارا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان؛ بىر-بىرىگە دۈشمەن بولغان:[مىسال:] زىت پىكىر.

زىتىغا تەگمەك

  • زىتىغا تەگمەك[يەشمىسى:] ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، چىشىنى قېرىشتۇرماق؛ تېرىكتۈرمەك:[مىسال:] نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنىڭغا يۈزمۇيۈز پىكىر بېرىپ زىتىغا تېگەتتىم.

زىتلاشتۇرماق

  • زىتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «زىتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زىتلاشتۇرۇلماق

  • زىتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «زىتلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زىتلاشماق

  • زىتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆزئارا زىت ھالەت پەيدا بولماق ياكى شۇنداق ھالەتنى پەيدا قىلماق:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرى بىلەن زىتلىشىدۇ.[يەشمىسى:] ② قارشىلاشماق، ئاداۋەتلەشمەك، دۈشمەنلىك پوزىتسىيىدە بولماق، ئۆچەكەشمەك، ئېيتىشماق:[مىسال:] بۇ ئەرزنى چوقۇم مەن بىلەن زىتلىشىدىغان قادىر يازغان، دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن.

زىتلىق

  • زىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارشىلىشىش، ئۆزئارا قارىمۇقارشى، زىت ھالەت:[مىسال:] ھازىر ئەلدە زىتلىق چوڭ، بايلار-گادايلار ئىككى تەرەپ، چېكى يوق، دېدى قىلىچ.

زىتمەن

  • زىتمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارشىلاشقۇچى، زىتلاشقۇچى، ئاداۋەتلەشكۈچى.

زىتمەنلىك

  • زىتمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋ بىلەن قارشىلىشىش، زىتلىشىش، ئاداۋەتلىشىش قىلمىشى:[مىسال:] ئۇلار قەمبەر نىسانى تالىشىپ زىتمەنلىك قىلىشىۋاتىدۇ، دېدى شاكىر.

زىچ

  • زىچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن جايلاشقان، قېلىن، قويۇق:[مىسال:] تۈپتۈز كەتكەن يېزا يولىنىڭ ئەتراپى زىچ باراقسان ئورمان ئىدى.[يەشمىسى:] ② مۇناسىۋىتى يېقىن، قويۇق؛ مۇستەھكەم، چىڭ:[مىسال:] بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ ئالاقىسى زىچ، باردى-كەلدىسى قويۇق ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىس، جىددىي؛ ئالدىراش:[مىسال:] ھاكىمنىڭ ۋاقتى زىچ بولغاچ، گەپنىڭ گۇندىسىنى دەپ خالىقنى قايتۇرۇۋەتمەكچى بولدى.

زىچلاشتۇرماق

  • زىچلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «زىچلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زىچلاشتۇرۇلماق

  • زىچلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «زىچلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زىچلاشماق

  • زىچلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زىچ ئورۇنلاشماق، قويۇقلاشماق:[مىسال:] خەلق توپى تېخىمۇ زىچلىشىپ، ئۇنى ئارىغا ئېلىۋالدى.[يەشمىسى:] ② يېقىنلاشماق، مۇستەھكەملەنمەك، چىڭىماق:[مىسال:] بېرىپ-كېلىش كۆپەيگەنسېرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنچە زىچلىشىپ باراتتى.

زىچلىق

  • زىچلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① زىچ بولغان ھالەت، قويۇقلۇق. [يەشمىسى:] ② بىرلىك كۆلەمدە ئۆسكەن دەرەخ ماتېرىيال زاپىسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددىنىڭ ماسسىسى بىلەن ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ نىسبىتى. ماددا ئۆز ئىچىگە ئالغان ماسسا كۇب سانتمېتىر گرام بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] نۇر سەزگۈرلۈكىنىڭ ئۆلچەنگەن مىقدارى.

زىخ

  • زىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كاۋاپ پىشۇرۇش ياكى بىرنەرسىنى تېشىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان، مېتال ياكى ياغاچتىن بىر ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ياسالغان سايمان:[مىسال:] زىخقا گۆش ئۆتكۈزمەك. كاۋاپقا زىخ تەييارلىماق.[يەشمىسى:] ② تونۇردىن نان قومۇرۇش ۋە ئائىلىلەردە ئوچاقنىڭ ئاستىنى كولاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇچى ئىلمەك تۆمۈر سايمان. [يەشمىسى:] ③ ھارۋا جابدۇقلىرىنى ياساشتا بوغىنىڭ ئىچىگە پاخال تىقىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچى ئاچا سايمان.

زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان

  • زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان[يەشمىسى:] ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان يەتمەيدىغان، ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولىدىغان:[مىسال:] ئەگەر ئۇ بۇ جېدەلنى زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان چارە بىلەن بېسىقتۇرمىسا، بازاربېگى ئادەملىرىنى باشلاپ كېلىپ، مىجىقىنى چىقىرىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.

زىخى توشماق

  • زىخى توشماق[يەشمىسى:] قىلغان-ئەتكەنلىرىدىن ھېساب بېرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمەك، شۇ ئورۇندىكى ۋاقتى ئاخىرلاشماق؛ ئەجىلى يېقىنلاشماق، كۈنى تۈگىمەك:[مىسال:] ئۇ ئارىلاپ: «مەيلى نېمە كۆرسەم كۆردۈم. بىر باشتىمۇ بىر ئۆلۈم. مىڭ باشتىمۇ بىر ئۆلۈم. زامانقۇلنىڭ زىخى توشۇپ، ئاللىقاچان ئېشىپ كەتتى» دەپ ئويلايتتى.

زىخچە

  • زىخچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ھەم قىسقىراق زىخ ياكى شۇ شەكىلدىكى نەرسە:[مىسال:] سۇۋاركا زىخچىلىرى تۈگەپ قاپتۇ، دېدى ئۇ شىرە ئالدىغا كېلىۋېتىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىخ شەكلىدىكى، ئۇزۇنچاق:[مىسال:] زىخچە ئالتۇن.

زىخلانماق

  • زىخلانماق[يەشمىسى:] «زىخلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

زىخلىق

  • زىخلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① زىخى بار، زىخ ئىشلىتىلگەن. [يەشمىسى:] ② زىخ قىلىشقا لايىق، زىخقا ئىشلىتىلىدىغان:[مىسال:] ئون زىخلىق سىم.

زىخلىماق

  • زىخلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زىخ سانجىماق، زىخ تىقماق:[مىسال:] ئاختۇرغۇچىلار كۆمۈلگەن ئالتۇنلارنى تاپماقچى بولۇپ يەرنى زىخلاپ كۆردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدىراتماق، جىددىيلەتمەك:[مىسال:] بولىدۇ، بۇلارنى پات-پات زىخلاپ تۇرمىسا، قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋالىدۇ، دېدى جاپپار قۇۋۋەتلەپ.

زىددىيەت

  • زىددىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئومۇمەن قارىمۇقارشى شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرىنى چەتكە قېقىش مۇناسىۋىتى، بىر-بىرىگە زىتلىق، خىلاپلىق:[مىسال:] پوزىتسىيەمدە زىددىيەت بارلىقىغا ئىقرارمەن، دېدى ئۇ سەل ئىككىلىنىپ.[يەشمىسى:] ② قارىمۇقارشىلىق، دۈشمەنلىك، ئاداۋەت:[مىسال:] سىنىپىي زىددىيەت. زىددىيەت سالماق. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قارىمۇقارشى تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىگە بېقىنىش ۋە بىر-بىرىنى چەتكە قېقىش مۇناسىۋىتى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] فورمال لوگىكىدا، ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىر-بىرىنى چەتكە قېقىش ياكى ئىككى ھۆكۈمنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە راست ياكى يالغان بولالماسلىق مۇناسىۋىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

زىددىيەتسىز

  • زىددىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىتلىق يوق، زىددىيەت مەۋجۇت بولمىغان؛ زىت ئەمەس.

زىددىيەتلىك

  • زىددىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىتلىق بار، زىددىيەت مەۋجۇت بولغان، زىت:[مىسال:] پۈتۈن ئالەم قاراڭغۇ، قالايمىقان، زىددىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ بەختىگە دۈشمەن ئىدى.

زىرⅠ

  • زىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] لەرزىگە كەلگەن، تىترىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتى ياكى تاۋۇشى:[مىسال:] زىر قىلىپ قالماق.

زىرⅡ

  • زىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەرەب يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ ئاستىغا قويۇلىدىغان بەلگە. ئۇ يېزىقتا «—» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سوزۇق تاۋۇش «ئى» غا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

زىرائەت

  • زىرائەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېزا ئىگىلىكىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر. ئۇ ئاشلىق زىرائەتلىرى، ياغلىق دان، كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخ ۋە سانائەت خام ئەشياسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كېۋەز، تاماكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

زىراپە

  • زىراپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. ئۇ قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ ئېگىز ھايۋان بولۇپ بوينى ناھايىت ئۇزۇن، ئاۋاز چىقارمايدۇ، ئەركەك-چىشىسىنىڭ ئوخشاشلا مۈڭگۈزى، تەن سىرتىدا گۈللۈك داغلىرى بولىدۇ، تېز چاپىدۇ، ئۆسۈملۈك يوپۇرماقلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئافرىقىنىڭ ئورمانلىقلىرىدىن تېپىلىدۇ.

زىراۋەندە

  • زىراۋەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە، رەڭگى قوڭۇر، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى سىېسىق پۇرايدۇ، مېۋىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئىسسىتمىنى ياندۇرۇش، يۆتەل توختىتىش رولىغا ئىگە.

زىرەⅠ

  • زىرەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆسۈملۈك تېنىدىن كۈچلۈك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى دورا ياكى تەم تەڭشىگۈچى ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.

زىرەⅡ

  • زىرەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاياللار قۇلىقىغا تاقايدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى. ئادەتتە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس قاتارلىق مېتاللاردىن ياسىلىدۇ.

زىر-زەۋەر

  • زىر-زەۋەر[يەشمىسى:] زىر ۋە زەۋەر.

زىر-زەۋىرىنى قويماي

  • زىر-زەۋىرىنى قويماي[يەشمىسى:] ھەممىسىنى، پۈتۈنلەي، تەلتۆكۈس، بىرىنى قالدۇرماق، تولۇقى بىلەن:[مىسال:] شەمسىدىن ئەتىسى خوتۇنىغا كەچۈرمىشلىرىنىڭ زىر-زەۋىرىنى قويماي سۆزلەپ بەردى.

زىرىپ

  • زىرىپ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقىللىق، زېرەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىڭنىدە قىلىنىدىغان ئىنچىكە ئىش:[مىسال:] زىرىپ قىلماق.

زىرىپچى

  • زىرىپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىڭنىدە ئىنچىكە ئىش قىلغۇچى، تىككۈچى:[مىسال:] زىرىپچىلار ھەدەپ چىرايلىق كەشتىلەرنى تىكمەكتە ئىدى. ∥ زىرىپچى قىزلار.

زىرىپچىلىق

  • زىرىپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىڭنە بىلەن تىكىش ئىشى، يىڭنە ئىشى:[مىسال:] ئۇ كىشىلەرنىڭ زىرىپچىلىقىنى قىلىپ بېرىپ بىرئاز پۇل توپلاپتۇ.

زىرىق

  • زىرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زىرىق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان تىكەنلىك چاتقال. ئۇنىڭدىن يەنە زىرىق ئىشقارى ئالغىلى، شاخ ۋە يىلتىزلىرىنى دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆل ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قىزىتمىنى پەسەيتىش رولى بار.

زىرىلداتماق

  • زىرىلداتماق[يەشمىسى:] «زىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گۈلسۈمقىزنىڭ يورغىلىشى پۈتۈن بەدەننى زىرىلدىتىدۇ.

زىرىلدىماق

  • زىرىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زىر قىلماق، زىر قىلغان ھەرىكەت ياكى ئاۋاز پەيدا بولماق، تىترىمەك:[مىسال:] بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدى زىرىلداپ كەتتى.

زىرىلىك

  • زىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىرە ئۆسكەن يەر، ئېتىز.

زىزىلىمەك

  • زىزىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەركىلىمەك.

زىسەي

  • زىسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىزىل يۈسۈنلەر خىلىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك. دېڭىز بويىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى جىگەر رەڭ، شەكلى ياپىلاق بولۇپ، ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

زىغزىق

  • زىغزىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋا، كۆرپە، دىۋان قېپى، ئۆتۈك قونچى قاتارلىقلارنىڭ تىكىچ ئارىلىقىغا ئېلىنىدىغان رەخت، زەي:[مىسال:] كۆرپىنىڭ زىغزىقى. زىغزىق چىقارماق.

زىغزىقلىق

  • زىغزىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① زىغزىقى بار، زىغزىق تۇتۇلغان:[مىسال:] سۇپىغا يېڭى تەڭلىمات، زىغزىقلىق يېكەندازلار سېلىنغانىدى.[يەشمىسى:] ② زىغزىق قىلىشقا تاييارلانغان، زىغزىق قىلىشقا باب:[مىسال:] زىغزىقلىق رەخت.

زىغىر

  • زىغىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زىغىر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تالا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان زىغىرنىڭ غولىدا تالا كۆپ بولۇپ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ئۈچۈن خام ئەشيا قىلىنىدۇ. ماي ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى.

زىغىرچى

  • زىغىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئىشنى يىپىدىن يىڭنىسىگىچە سۈرۈشتۈرۈپ، زىغىرلاپ كېتىدىغان ئادەم.

زىغىرچىلىك

  • زىغىرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «كىچىككىنە»گە قاراڭ:[مىسال:] زىغىرچىلىك ئىشقا نېمانچە قاينايسەن، دېدى ئاتام مېنى ئەيىبلەپ.

زىغىردەك

  • زىغىردەك[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرئاز، ئازغىنا، بىزە:[مىسال:] سىلى زىغىردەك ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، مەن بازاردىن ئاش ئەكىرەي.

زىغىرلاتماق

  • زىغىرلاتماق[يەشمىسى:] «زىغىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

زىغىرلاشماق

  • زىغىرلاشماق[يەشمىسى:] «زىغىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

زىغىرلىق

  • زىغىرلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىغىرى بار، زىغىر تېرىلغان:[مىسال:] زىغىرلىق ئېتىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] زىغىر تېرىلغان يەر.

زىغىرلىماق

  • زىغىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېگى-تەكتىنى، يىپىدىن يىڭنىسىگىچە قويماي سۈرۈشتۈرمەك، كوچىلىماق؛ ئىنچىكىلىمەك:[مىسال:] ئۇ ئادەم ئۇ يان-بۇ ياندىن زىغىرلاپ سوراۋەرگەچ ئاقىۋەت ئەھۋالىمنى دېدىم.

زىق

  • زىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىس، جىددىي؛ ئالدىراش (ۋاقىت ھەققىدە):[مىسال:] ياق، ھازىر ۋاقىت زىق، دېدى ئابدۇكېرىم بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي.

زىققە

  • زىققە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] نەپەس قىيىنلىشىش، كانايدىن خىرىلدىغان ئاۋاز كېلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر خىل دەم سىقىلىش كېسىلى.

زىقلىق

  • زىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىسلىق، جىددىيلىك؛ ئالدىراشلىق:[مىسال:] ئايگۈل ۋاقىتنىڭ زىقلىقىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشلىرىغا قاتنىشالمايتتى.

زىكىر

  • زىكىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① ئەسلەش، خاتىرىلەش، سۆزلەش، تىلغا ئېلىش:[مىسال:] زىكىر قىلماق. زىكىر ئېيتماق.  ھالغا بېقىپ زىكىر، داپقا بېقىپ سەنەم (ماقال).[يەشمىسى:] ② مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر باشلامچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھالقا شەكىللىك يۇمىلاق بولۇپ ئولتۇرۇپ، خۇدانىڭ ياكى ئۆتكەن ئەۋلىيالارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، تەسۋى سىيرىپ دۇئا تەكبىر ئوقۇپ ئۆتكۈزىدىغان مۇراسىمى.

زىكىر-تەلقىن

  • زىكىر-تەلقىن[يەشمىسى:] زىكىر ۋە تەلقىن:[مىسال:] «زىكىر-تەلقىن»گە قاتاناشقانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن.

زىكىر-ساما

  • زىكىر-ساما[يەشمىسى:] زىكىر ۋە ساما، توپلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن ئويۇن-تاماشا تۈرىدىكى يىغىلىش.

زىگوتا

  • زىگوتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار جىنسلىق كۆپەيگەندە ئەركەك ۋە چىشى ججىنسىي ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدىغان يېڭى بىر ھۈجەيرە. ئۇ تەدرىجىي يېتىلىپ، يېڭى بىر جانلىق تەنگە ئايلىنىدۇ.

زىڭ

  • زىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] باش ۋە بەدەننىڭ ئاغرىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل سېزىم:[مىسال:] ياقۇپنىڭ بېشى «زىڭ» قىلىپ ئاغرىشقا باشلىغانىدى.

زىڭ-زىڭ

  • زىڭ-زىڭ[يەشمىسى:] «زىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

زىڭڭىدە

  • زىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «زىڭ» قىلىپ، «زىڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] شۇ ئارىدا ئالىمنىڭ ئوڭ پۇتى «زىڭڭىدە» قىلىپ قالدى ۋە ناھايىتىمۇ قاتتىق بىر ئاغرىق ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بويلاپ تاراشقا باشلىدى.

زىڭلى

  • زىڭلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا قاتتىق بېرىلىش نەتىجىسىدە ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويۇش، كۈچ ئېلىپ كېتىش:[مىسال:] ئۇ مېنى ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلاپ زىڭلى قىلىپ قويدى.

زىڭىلداتماق

  • زىڭىلداتماق[يەشمىسى:] «زىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دادامنىڭ داد-پەريادى قۇلاق-مېڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى.

زىڭىلدىماق

  • زىڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى سانجىغاندەك، تىققاندەك زىڭ قىلغان تۇيغۇ پەيدا بولماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەلەمدىن چېكىسى زىڭىلداپ، بېشى قايغاندەك بولدى.[يەشمىسى:] ② «زىڭ» قىلىپ سىلكىنمەك، تىترىمەك، تەۋرىمەك؛ «زىڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئۇ ھەر بىر بازغان ئورغاندا سەندەل زىڭىلداپ كېتەتتى.

زىل

  • زىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بوم ياكى توم ئەمەس، ئىنچىكە، يېقىملىق (ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] زىل ئاۋاز. *قىزنىڭ ئاۋازى تۇرغاينىڭكىدەك زىل، تەمبۈر ئاۋازىدەك جاراڭلىق ئىدى.[يەشمىسى:] ② قوپال گەپ-سۆز ۋە قوپال مۇئامىلىنى كۆتۈرەلمەيدىغان، نازۇك:[مىسال:] زىل ئادەم. زىل كۆڭۈل.[يەشمىسى:] ③ سىلىق، چىرايلىق، ئىنچىكە:[مىسال:] قېيۇم ئۇستا زىل ئىش قىلىدىغان تەجرىبىلىك ئۇستا ئىدى.

زىلتار

  • زىلتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]زىل+تار[[يەشمىسى:] ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى. ئۇنى ساتار، راۋاب، قالۇن، گېتاردىن ئىبارەت تۆت خىل چالغۇ ئەسۋاب ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

زىلتاش

  • زىلتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]زىل+تاش[[يەشمىسى:] خوتەننىڭ يورۇڭقاش دەرياسى ئېقىنىدىن تېپىلىدىغان ئەلا سورتلۇق ئاق قاشتېشى.

زىلچا

  • زىلچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يۇڭ ياكى يىپەكتىن ھەر خىل رەڭدە تىۋىتلىق توقۇلۇپ، يەرگە سېلىنىدىغان ياكى تامغا ئېسىپ قويۇلىدىغان ئائىلە بۇيۇمى؛ گىلەم:[مىسال:] زىلچا سېلىنغان سۇپا.

زىلزىلە

  • زىلزىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تىترەش، تەۋرەش:[مىسال:] ھېلىقى ئاۋاز بارغانسېرى كۈچىيىپ، زېمىندا زىلزىلە، تەنلەردە تىترەك پەيدا قىلغىلى تۇردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق غۇلغۇلا:[مىسال:] ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشى خەلق ئىچىدە كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلغانىدى.

زىللاشماق

  • زىللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زىل ھالەتكە كەلمەك، زىل بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە تولىمۇ زىللىشىپ كەتتى.

زىللىق

  • زىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىل ھالەت؛ ئىنچىكىلىك:[مىسال:] ئاۋازنىڭ زىللىق دەرىجىسى.

زىلوتى

  • زىلوتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پولشىنىڭ پۇل بىرلىكى.

زىلۋا

  • زىلۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① نازۇك، ئىنچىكە، ئەۋرىشىم:[مىسال:] پاتىمە يۇمىلاق، ئاق يۈزلۈك، بويى زىلۋا، ئوماققىنا قىز ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گۈزەل، چىرايلىق:[مىسال:] ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى، تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق، يىرتىلسا كالېندارنىڭ بىر ۋارىقى، ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.

زىلۋالىق

  • زىلۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نازۇكلۇق، ئەۋرىشىم خۇسۇسىيەتكە ئىگە ھالەت؛ گۈزەللىك، چىرايلىقلىق.

زىممە

  • زىممە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۈست، بويۇن (ۋەزىپە، مەسئۇلىيەت، بۇرچ قاتارلىقلارغا نىسبەتەن):[مىسال:] زىممىسىگە ئالماق. زىممىسىگە چۈشمەك.

زىمىستان

  • زىمىستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قىش پەسلى، قىش:[مىسال:] زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇدھىش قاراڭغۇ، زۇلمەت:[مىسال:] بىلىمسىزلىك بىر زىمىستان ئىكەن.

زىمىستانسىز

  • زىمىستانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىمىستان (قىش) بولمايدىغان:[مىسال:] پەخرىدۇر ھەرتال گىياھنىڭ شۇ زېمىندا ئۆستى ئۇ، قىش-زىمىستانسىز گۈزەل مەڭگۈلۈك كۆركەم باھار.

زىنا

  • زىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنسىز جىنسىي ئالاقە؛ بۇزۇقچىلىق، پاھىشە:[مىسال:] زىنا قىلماق.

زىناخور

  • زىناخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئامراق، پاھىشىۋاز:[مىسال:] زىناخور ئادەم. ∥ ئۇ زىناخور ئاخىرى بىر كۈنى ئەدىپىنى يېمەي قالمايدۇ، دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن.

زىناخورلۇق

  • زىناخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاھىشىۋازلىق:[مىسال:] زىناخورلۇق قىلىش نەتىجىسىدە ئۇ بىر قۇرتقا ئادەم سىياقىدىكى ھايۋانغا ئايلانغانىدى.

زىندان

  • زىندان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يەر ئاستىدىكى زەي ۋە قاراڭغۇ قاماقخانا؛ سولاقخانا؛ تۈرمە:[مىسال:] زىندانغا تاشلىماق. زىنداندا ياتماق.

زىندانبېگى

  • زىندانبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]زىندان+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] زىندانغا مەسئۇل كىشى.

زىندانچى

  • زىندانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىندانغا قارىغۇچى، زىندان باققۇچى، گۇندىپاي:[مىسال:] بىر ۋاقىتتا زىندانچى ئاچقۇچلارنى شاراقلىتىپ يان ئىشىكتىن چىقىپ كەلدى.

زىننەت

  • زىننەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم؛ بېزەك، ھۆسن:[مىسال:] ئاتنىڭ زىننىتى ئېگەر-توقۇم (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

زىننەتسىز

  • زىننەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىننەتلەنمىگەن؛ كۆرۈمسىز، سەت:[مىسال:] زىننەتسىز ئۆي.

زىننەتلەتمەك

  • زىننەتلەتمەك[يەشمىسى:] «زىننەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەھرىمان شاھ شەھەرنى يېڭىۋاشتىن زىننەتلىتىپتۇ.

زىننەتلەشمەك

  • زىننەتلەشمەك[يەشمىسى:] «زىننەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار ئۆزلىرىنى قايتا-قايتا يېنىشلاپ زىننەتلىشىپتۇ.

زىننەتلەنمەك

  • زىننەتلەنمەك[يەشمىسى:] ① «زىننەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شاھ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن زىننەتلەنگەن تەختتە ئولتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② «زىننەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] توز كەبى رەڭدار ياسانغان قىز ۋە ئوغۇل زىننەتلىنىپ، توشمىغاي شەرتىگە ئادەم، شەرمى-ھاياسى بولمىسا.

زىننەتلىك

  • زىننەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىننىتى بار، زىننەتلەنگەن، چىرايلىق، گۈزەل:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى زىننەتلىك ئىشلەنگەن چوڭ دەرۋازىغا يولۇقتى.

زىننەتلىمەك

  • زىننەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەر خىل چىرايلىق، زىننەتلىك نەرسىلەر بىلەن بېزىمەك، ھۆسن كىرگۈزمەك، كۆركەملەشتۈرمەك:[مىسال:] ئۇلار ئالدى بىلەن ئوردىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى زىننەتلىمەكچى بولدى.

زىنھار

  • زىنھار[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بولۇشسىز پېئىللار بىلەن كېلىپ «ئەسلا، پەقەت، ھېچقاچان، قىلچە، مۇتلەق» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ھەلىمىخان ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولدى، ئەمما مەزىن زىنھار ئۇنىمىدى.

زىنىخ

  • زىنىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم كۈلگەن چاغدا مەڭزىدە پەيدا بولىدىغان ئويمانچە:[مىسال:] ئۇ قىزنىڭ كۈلگەن چاغدىكى زىنىخلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باقتى.

زىنىخلىق

  • زىنىخلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىنىخى بار، زىنىخ پەيدا بولغان:[مىسال:] بەختىگۈلنىڭ ئادەتتە ھەمىشە كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان زىنىخلىق يۈزىدە نازلىق تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

زىيا

  • زىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① يورۇقلۇق، نۇر؛ شولا:[مىسال:] ئۆزگىلەر نىگاھى جىلۋە ئەيلىدى، قۇياشنىڭ زىياسى پارلىغان يۈزدە. قايغۇم يوق بۇ ھالدىن، چۈنكى ھېچبىرى، كۆرەلمەس ھۆسنىڭنى مەن كۆرگەن كۆزدە.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

زىياپەت

  • زىياپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەنتەنىلىك، كاتتا ئولتۇرۇش؛ مېھماندارچىلىق:[مىسال:] زىياپەت بەرمەك. زىياپەت ئۆتكۈزمەك.

زىياپەتخانا

  • زىياپەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] زىياپەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ئۆي؛ ئورۇن:[مىسال:] بۇ زىياپەتخانا خۇددى كىچىكرەك بىر تانسىخانىغا ئوخشايتتى.

زىيادە

  • زىيادە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەلگىلىك مىقداردىن، ساندىن ئوشۇق؛ ئېھتىياجدىن، نورمىدىن ئارتۇق، كۆپ:[مىسال:] رەھمەت، ئىچمەيمەن، ھېلى مەن بىر چىنە زىيادە ئىچىۋەتتىم، دېدى ئۇ رابىيەمگە.

زىيادىلەشمەك

  • زىيادىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاشماق، ئارتماق، كۈچەيمەك:[مىسال:] مەخمۇتنىڭ دۆلەت-پاراغىتى كۈنسېرى زىيادىلەشتى، ئابرۇيى ئۆستى.

زىيادىلىك

  • زىيادىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارتۇقلۇق، كۆپلۈك:[مىسال:] بەدەندە قان كۆپىيىپ كېتىش ياكى سەپرانىڭ زىيادىلىكى تۈپەيلىدىن ھارارەت پەيدا بولىدۇ.

زىيارەت

  • زىيارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مۇقەددەس جاي، چەت دۆلەت ياكى يېقىن-يىراق، مەنزىرىلىك جاي، داڭلىق شەخس ياكى كىشىلىرىنىڭ قەبرىسى قاتارلىقلارغا قارىتا قىلىنىدىغان ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە:[مىسال:] ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەھمۇد كاشىغەرى مازىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلىش ئارزۇلىرىنى بىلدۈرۈشتى.[يەشمىسى:] ② ھۆرمەت ياكى رەسمىيەت يۈزىسىدىن بىرەر شەخس بىلەن كۆرۈشۈش، ئەھۋاللىشىش ياكى بۇ ھەقتە قىلىنغان پاتىھە:[مىسال:] سىز سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان كىشى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] خەۋەر-ماقالىلەرگە ماتېرىيال تەييارلاش يۈزىسىدىن مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىدار كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت؛ ئۇچرىشىش:[مىسال:] مۇخبىرلىق زىيارىتى.

زىيارەتچى

  • زىيارەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر جاينى ياكى بىرەر شەخسنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشى:[مىسال:] بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىدىغان زىيارەتچىلەر يازدا تېخىمۇ كۆپ بولاتتى.

زىيارەتخانا

  • زىيارەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «زىيارەتگاھ»قا قاراڭ:[مىسال:] زىيارەتخانا ئىچى قاپقاراڭغۇ ئىدى.

زىيارەتگاھ

  • زىيارەتگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىلەر زىيارەت قىلىدىغان جاي؛ ئورۇن:[مىسال:] مەن رەڭمۇرەڭ گۈللەرگە تولغان باغچىنى ئارىلاپ باغنىڭ غەربىدىكى زىيارەتگاھقا يەتتىم.

زىيارەتگاھلىق

  • زىيارەتگاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «زىيارەتگاھ»قا قاراڭ.

زىياسىز

  • زىياسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۇرسىز، قاراڭغۇ:[مىسال:] بۇ ھالەت بىزدە مەنىسىز، كۈنلەر ئۆتمەكتە، ئۇپۇق زىياسىز، بىلمەيمەن، نېچۈن زامان ۋاپاسىز، خەلقىم بارىدۇ، ھەنۇز داۋاسىز، بۇ ۋەتەن بولمىش خەستە ئوچىقى.

زىيالىي

  • زىيالىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرقەدەر يۇقىرى پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشىلەر. مەسىلەن، پەن-تېخنىكا خادىملرى، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچىلار، دوختۇرلار، مۇخبىرلار ۋە ئىنژېنېر قاتارلىقلار:[مىسال:] سەن بىر زىيالىي تۇرۇپ، ئوقۇمىغان، نادان كىشىلەردەك گەپ قىلساڭ ئۆزۈڭگە ياراشمايدۇ.

زىيالىيلىق

  • زىيالىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىيالىيلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، زىيالىلارغا خاس مىجەز-خاراكتېر، خۇسۇسىيەت.

زىيان

  • زىيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئومۇمەن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى يوقىتىش، چىقىم:[مىسال:] بۇ زىياننىڭ ئورنىنى شۇ تاپتا ھېچنېمە بىلەن تولدۇرغىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان تەسىر، زەرەر:[مىسال:] تاماكىنىڭ زىيىنى. ھاراقنىڭ زىيىنى.

زىيانداش

  • زىيانداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىيان سالىدىغان، زىيانلىق؛ زىيىنى بار:[مىسال:] زىيانداش قۇشلار. زىيانداش ھاشارات.

زىيانداشلىق

  • زىيانداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇزغۇنچىلىق، دۈشمەنلىك.

زىيان-زەخمەت

  • زىيان-زەخمەت[يەشمىسى:] زىيان ۋە زەخمەت:[مىسال:] جامائەت مۈلكىنى زىيان-زەخمەتتىن ساقلاش كېرەك.

زىيانسىز

  • زىيانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىيىنى يوق، زىيان قىلمايدىغان، زىيان يەتكۈزمەيدىغان:[مىسال:] مەلىكىدىن چاچرىغان ئوت بىزگە زىيانسىز ئىدى.

زىيانكەش

  • زىيانكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگۈچى، قەست قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] ھەممىسى ئىغۋا، مەن ھېچقانداق زىيانكەش، بۇزۇق ئەمەس.

زىيانكەشلىك

  • زىيانكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا زىيان سالىدىغان، باشقىلارنى قەستلەيدىغان قىلىق، ھەرىكەت:[مىسال:] بۇلارنىڭ ئىچىدە سابىرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەكېلىنگەن سوۋغىلارمۇ بار ئىدى.

زىيانلىق

  • زىيانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىيىنى بار، پايدا، مەنپەئەت قىلمايدىغان؛ پايدىسىز:[مىسال:] خەلققە پايدىلىق نەرسە، ساڭا ھەم پايدىلىق. خەلققە زىيانلىق نەرسە ساڭا ھەم زىيانلىق.