ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

14 ش 🔗

ش

شاپⅠ

شاپⅡ

شاپⅢ

شاپⅣ

شاپائەت

شاپائەتچى

شاپائەتسىز

شاپائەتلىك

شاپاش

شاپاشلاتماق

شاپاشلاشماق

شاپاشلىماق

شاپاق

شاپاقچى

شاپاقچىلىق

شاپاق-شالتاق

شاپالداق

شاپپىدە

شاپتۇل

شاپتۇللۇق

شاپۇر-شۇپۇر

شاپىگراف

شاپىلاق

شاپىلاقلاتماق

شاپىلاقلاشماق

شاپىلاقلانماق

شاپىلاقلىماق

شاپىلداتماق

شاپىلداشماق

شاپىلدىماق

شاتارى

شاتراق

شاتراقلاتماق

شاتراقلاشماق

شاتراقلىماق

شاتۇت

شاتۇتلۇق

شاتۇتى

شاتۇر

شاتۇن

شاتىۋار

شاجا

شاخ

شاختىن شاخقا قونماق

شېخىغا قاقماق

شاخاب

شاخابچە

شاخار

شاخچە

شاخسانىغۇچ

شاخشا

شاخشارما

شاخشۇر

شاخ-شۇمبا

شاخلاتماق

شاخلانماق

شاخلىق

شاخلىما

شاخلىماق

شاخىنا

شاخىنەكⅠ

شاخىنەكⅡ

شاخىنىچى

شاد

شادا

شاد-خۇرام

شاد-خۇراملىق

شادلاندۇرماق

شادلاندۇرۇلماق

شادلانماق

شادلىق

شادلىنىشماق

شادىپەن

شادىقۇلۇپ

شادىلاتماق

شادىلانماق

شادىلىق

شادىلىماق

شادىمان

شادىمانلىق

شادىيانە

شادىيانىلىق

شارⅠ

شارⅡ

شاراب

شارابار

شارا-بارا

شارا-بارىچى

شارا-بارىچىلىق

شارابخانا

شارابخور

شارابخورلۇق

شاراپەت

شاراپەتلىك

شاراجىل

شاراچىن

شاراق

شاراق-شاراق

شاراق-شۇرۇق

شاراققىدە

شاراقشىتماق

شاراقشىماق

شاراقلاتماق

شاراقلاشماق

شاراقلىماق

شاراڭ-شۇرۇڭ

شارائىت

شارپا

شارت

شارتتىدە

شارت-شارت

شارت-شۇرت

شارتىلداتماق

شارتىلداشماق

شارتىلدىماق

شارچە

شاررىدە

شارسىمان

شار-شار

شار-شۇر

شارقىراتما

شارقىراتماق

شارقىراشماق

شارقىرىماق

شارۇپ

شارىك

شارىلداتماق

شارىلدىماق

شازا

شازىلىماق

شاش

شاشتۇرماق

شاشلاشماق

شاشلىق

شاشماق

شافىئىي

شاق

شاقاقۇل

شاقشاقⅠ

شاقشاقⅡ

شاق-شاق

شاق-شۇق

شاققىدە

شاقۇر

شاقۇر-شۇقۇر

شاقىلداتماق

شاقىلداق

شاقىلدىماق

شاكالⅠ

شاكاللاشماق

شاكاللىق

شاكىچىك

شاكىراب

شاكىلات (شاكىلاتى)

شاگىرت

شاگىرتلىق

شاڭ

شاڭتو

شاڭجياڭ

شاڭخادەن

شاڭخو

شاڭخوچى

شاڭخوچىلىق

شاڭزۇڭ

شاڭشى

شاڭشياۋ

شاڭۋېي

شاڭيو

شاڭيولۇق

شالⅠ

شالⅡ

شالⅢ

شالⅣ

شالىنى چاچماق

شالⅤ

شالا

شالاپ

شالاپپىدە

شالاپ-شالاپ

شالاپ-شۇلۇپ

شالاپشىتماق

شالاپشىماق

شالاپلاتماق

شالاپلاشماق

شالاپلىماق

شالاسىن

شالاق

شالاق-شۇلۇق

شالاقشىتماق

شالاققىدە

شالاقلاتماق

شالاقلاشماق

شالاقلىماق

شالاڭ

شالاڭلاتماق

شالاڭلاشتۇرماق

شالاڭلاشۇرۇلماق

شالاڭلاشماق

شالاڭلىتىلماق

شالاڭلىق

شالاڭلىماق

شالالىق

شالتاق

شالتىقىغا تېيىلماق

شالتىقىنى ئادالىماق

شالتاقلىق

شالتاي-پالتاي

شالچىⅠ

شالچىⅡ

شالدام

شالداما

شالدۇر

شالدۇر-شۇلدۇر

شالدۇرۇق

شالدىر

شالدىراق

شالدىرشاپ

شالدىر-شۇلدۇر

شالدىرلاتماق

شالدىرلاشماق

شالدىرلىماق

شالدىرما

شالغۇت

شالغۇتلاشتۇرماق

شالغۇتلاشتۇرۇلماق

شالغۇتلاشماق

شاللاتماق

شاللاشماق

شاللاق

شاللاقلىق

شاللانماق

شاللىق

شاللىماق

شالۇك

شالۋاق

شالۋۇر

شامⅠ

شامⅡ

شام گۆر

شاما

شاما قىلىۋەتمەك

شامال

شامال تەگمەك

شامال چىقارماق

شامال دارىماق

شامال ساندۇقى

شامالغا ئەگەشمەك

شامالغا باقماق

شامالغا سورۇۋەتمەك

شامالغا قاراپ خامان سورۇماق

شامالغا قاراپ ئىش تۇتماق

شامالغا كەتمەك

شامال كىرمەسلىك

شامىلىغا كەتمەك

شامالداتماق

شامالداشماق

شامالدۇرغۇچ

شامالدىتىلماق

شامالدىماق

شاماللىق

شامان

شامان دىنى

شامانىزم

شامپان

شامچى

شامچىلىق

شامدار

شامدان

شاملىق

شامۇسەھەر

شامىلىق

شان

شانا

شان-شەرەپ

شان-شەۋكەت

شان-شۆھرەت

شانكىر

شانلىق

شانۇشەۋكەت

شاھ (شاھى)

شاھادەت

شاھادەتنامە

شاھانە

شاھزادە

شاھزادىلىك

شاھلىق

شاھمات

شاھماتچى

شاھنامە

شاھىئەزەم

شاھىت

شاھىتلىق

شاھىنشاھ

شاۋجياڭ

شاۋرۇن

شاۋ-شۇۋ

شاۋشياۋ

شاۋقۇن

شاۋقۇن-سۈرەن

شاۋقۇنسىز

شاۋقۇنلاتماق

شاۋقۇنلانماق

شاۋقۇنلۇق

شاۋقۇنلىماق

شاۋۋېي

شائىر

شائىرانە

شائىرە

شائىرلارچە

شائىرلىق

شاياتۇن

شاياردى

شايان

شايەت

شايبا

شايكا

شايلىماق

شايى

شايى-ئەتلەس

شايىپەتتا

شايىپۈتۈك

شايىچى

شەب

شەبان

شەببادە

شەبنەم

شەبنەملىك

شەبىستان

شەپە

شەپەرەڭ

شەپەق

شەپشەك

شەپشەكلىك

شەپقەت

شەپقەتچى

شەپقەتسىز

شەپقەتسىزلىك

شەپقەتلىك

شەپكە

شەپكىچى

شەپكىچىلىك

شەپكىسىز

شەپكىلىك

شەپىسىز

شەتلەڭگە

شەجەرە

شەخس

شەخسەن

شەخسىي

شەخسىيەت

شەخسىيەتچى

شەخسىيەتچىل

شەخسىيەتچىلىك

شەخسىيەتسىز

شەددات

شەددە

شەددىئەلەم

شەرەپ

شەرەپ-شان

شەرەپلىك

شەرەت

شەرەتلەشمەك

شەرەتلىمەك

شەربەت

شەربەتلىك

شەرت

شەرتسىز

شەرت-شارائىت

شەرتلەشمەك

شەرتلىك

شەرتنامە

شەرق

شەرقشۇناس

شەرقشۇناسلىق

شەرقلىق

شەرقىي

شەرم

شەرمەندە

شەرمەندىلەرچە

شەرمەندىلىك

شەرمسار

شەرمسارلىق

شەرم-ھايا

شەرھ (شەرھى)

شەرھلەتمەك

شەرھلەشمەك

شەرھلەنمەك

شەرھلىمەك

شەرئى

شەرىئەت

شەرىپ

شەرىپە

شەشبەر

شەقىقە

شەك

شەكسىز

شەك-شۈبھە

شەك-شۈبھىسىز

شەكلەن

شەكلەندۈرمەك

شەكلەنمەك

شەكلىك

شەكلىي

شەكىل (شەكلى)

شەكىلچىلىك

شەكىلداش

شەكىلداش سۆزلەر

شەكىلداش قاپىيە

شەكىلداشلىق

شەكىلسىز

شەكىلسىزلىك

شەكىللەندۈرمەك

شەكىللەندۈرۈلمەك

شەكىللەنمەك

شەكىللىك

شەكىلۋاز

شەكىلۋازلىق

شەڭگەن

شەڭگەن يامۇل

شەلپەر

شەلپەر رەڭ

شەلدەم

شەللەڭزە

شەلۋەرەتمەك

شەلۋەرىمەك

شەمەر

شەمەردەك

شەمس

شەمسىيە

شەمشاد

شەمشەر

شەمشەرقۇيرۇق

شەمشەرلىك

شەمشەرۋاز

شەمشەرۋازلىق

شەمئى

شەن

شەنبە

شەنبە بازار

شەنبىلىك

شەھەر

شەھەر ئالىدىغاندەك

شەھەر كۆرمىگەن

شەھەرنى ئالدى قونتاجى

شەھەرلىك

شەھلا

شەھۋانىي

شەھۋانىيەت

شەھۋانىيلىق

شەھۋەت

شەھۋەتپەرەس

شەھۋەتپەرەسلىك

شەھۋەتخور

شەھۋەتخورلۇق

شەۋكەت

شەۋكەتلىك

شەۋۋال

شەيتانⅠ

شەيتان ئاتلىماق

شەيتان ئارىلاشماق

شەيتان تارازا

شەيتانغا دەرس بېرىدىغان

شەيتاننىڭ پەيلى

شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەك

شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالىدىغان

شەيتىنى تۇتماق

شەيتىنىغا ھاي بەرمەك

شەيتانⅡ

شەيتانتېرىسى

شەيتانچاق

شەيتانلىق

شەيخ

شەيخۇلئىسلام

شەيدا

شەيدالىق

شەيدايى

شەيدايىلىق

شەيئى

شپات

شپال

شپىرىس

شتاب (شىتابى)

شتاتⅠ(شتاتى)

شتاتⅡ

شتاتلىق

شتانكا

شتانگېنىسىركۇل

شتېپسېل

شكالا

شلانكا

شوئار

شوئارۋاز

شوئارۋازلىق

شوپاڭ

شوپاڭچى

شوپاڭچىلىق

شوپۇر

شوپۇرلۇق

شوتا

شوتا قويۇپ بەرمەك

شوتىسىمان

شوتىلىق

شوخ

شوخا

شوخشۇتماق

شوخشۇماق

شوخلا

شوخلاشتۇرماق

شوخلاشماق

شوخلۇق

شوخىلاشماق

شوخىلىق

شوخىلىماق

شورⅠ

شورⅡ(شورى)

شور ئېغىز

شورى قۇرۇغۇر

شوراⅠ

شوراⅡ

شوراتماق

شوراشماق

شورالماق

شورپا

شورپىسىنىڭ شورپىسى

شورپا-شەلەڭ

شورتاڭ

شورتاڭلىق

شورسىز

شورسىزلاندۇرماق

شورسىزلاندۇرۇلماق

شورسىزلانماق

شوركا

شورلاتماق

شورلاشتۇرماق

شورلاشماق

شورلانماق

شورلۇق Ⅰ

شورلۇق

شورلىماق

شورىخانا

شورىدىماق

شورىغۇچ

شورىگۇل

شورىماق

شوشاڭ

شوق (شوقى)

شوقلانماق

شوك

شوكۇمⅠ

شوكۇمⅡ

شول

شولا

شولىگۈل

شولىلىق

شوۋىچى

شوۋىچىلىق

شوۋىگۈرۇچ

شوۋىنىزم

شوۋىنىزمچى

شوۋىنىزمچىلىق

شوۋىنىزملىق

شوۋىنىست

شويلا

شوينا

شويى

شۇ

شۇپۇڭ

شۇپۇڭدىماق

شۇجى

شۇجىلىق

شۇدلۇق

شۇر

شۇررىدە

شۇرقىراتماق

شۇرقىرىماق

شۇرۇق

شۇغۇللاندۇرماق

شۇغۇللاندۇرۇلماق

شۇغۇللانماق

شۇغىنىسى

شۇڭ

شۇڭا

شۇڭغۇتماقⅠ

شۇڭغۇتماقⅡ

شۇڭغۇتۇلماق

شۇڭغۇشماق

شۇڭغۇماق

شۇڭقار

شۇڭلاشقا

شۇلتا

شۇلۇق

شۇلۇق-شۇلۇق

شۇلۇقلىماق

شۇم

شۇم ئاياغ

شۇمبا

شۇمبۇيا

شۇمبۇيىلىق

شۇمپەن

شۇمتال

شۇمتەك

شۇمقۇش

شۇملۇق

شۇنچە

شۇنچىزا

شۇنچىكى

شۇنچىلىك

شۇنچىۋالا

شۇندا

شۇنداق

شۇنداق قىلىپ

شۇنداقتا

شۇنداقلا

شۇنىسى

شۇۋ

شۇۋۇلداتماق

شۇۋۇلدىماق

شۆبە

شۆپۈك

شۆپۈكدەشمەك

شۆپۈكدىمەك

شۆپۈكسىز

شۆپۈكلۈك

شۆلگەي

شۆھرەت

شۆھرەتپەرەس

شۆھرەتپەرەسلىك

شۆھرەتلىك

شۆيۈەن

شۈبھە

شۈبھىچى

شۈبھىچىلىك

شۈبھىسىز

شۈبھىلەندۈرمەك

شۈبھىلەنمەك

شۈبھىلىك

شۈبھىلىنىشمەك

شۈدە

شۈدىگەر

شۈركۈندۈرمەك

شۈركۈنمەك

شۈرمەل

شۈك

شۈكرانە

شۈككىدە

شۈكلەشمەك

شۈكلىمەك

شۈكۈر

شۈكۈر قىلماق

شۈكۈر-سانا

شۈكۈرسىزلىك

شۈكۈر-قانائەت

شۈكۈرلۈك

شۈڭگەن

شۈڭگەنلىك

شۈلۈك

شۈمەك

شۈمدەكلىمەك

شۈمدۈرمەك

شۈمشەيتمەك

شۈمشەيمەك

شۈمشۈك

شۈمشىيىشمەك

شۈممەك

شۈمۈشمەك

شۋېد

شېپى

شېپىلىك

شېتىلە

شېتىلىلىك

شېرىس

شېرىك

شېرىكلەشمەك

شېرىكلىك

شېرىن

شېرىن ئاي

شېرىنسۇخەن

شېرىن-شەربەت

شېرىن-شېكەر

شېرىنكانە

شېرىنلەشتۈرمەك

شېرىنلەشمەك

شېرىنلىك

شېزۇ

شېشەⅠ

شېشەⅡ

شېشىدان

شېغىل

شېغىللىق

شېكەر

شېكەر سىيىش كېسەللىكى

شېكەر قومۇشى

شېكەر قوناق

شېكەرسۈيى

شېكەرشۈن

شېڭسەي

شېڭمۇ

شېھىت

شېھىتلىك

شېۋە

شېئىر

شېئىرىي

شېئىرىيەت

شېئىرىيەتلىك

شى

شىئە

شىبە

شىبەن

شىبلىت

شىبلىتلىق

شىپⅠ

شىپⅡ

شىپا

شىپابەخش

شىپاخانا

شىپاگەر

شىپاڭ

شىپاڭلىق

شىپالىق

شىپپاڭ

شىپپاڭ-شىپپاڭ

شىپپاڭلاتماق

شىپپاڭلىتىشماق

شىپپاڭلىماق

شىپپىدە

شىپتۇر

شىپ-شىپ

شىپشىر

شىپقىماق

شىپۇن

شىپىر

شىپىر-شىپىر

شىپىرلىماق

شىپىلداتماق

شىپىلداشماق

شىپىلداق

شىپىلدىماق

شىپىنېل

شىتارى

شىتلىق

شىتۇەن

شىتىر

شىتىر-شىتىر

شىتىرلاتماق

شىتىرلاشماق

شىتىرلىماق

شىجائەت

شىجائەتسىز

شىجائەتلىك

شىدار

شىددەت

شىددەتلىك

شىرⅠ

شىرⅡ

شىرⅢ

شىرازا

شىرازىچى

شىرازىلاتماق

شىرازىلاشماق

شىرازىلانماق

شىرازىلىماق

شىراغول

شىراق

شىراقلىق

شىرەⅠ

شىرەⅡ

شىرەⅢ

شىرەم

شىرت

شىرتتىدە

شىرت-شىرت

شىرتىلداتماق

شىرتىلداشماق

شىرتىلدىماق

شىرداق

شىردان

شىردىمال

شىر-شىر

شىرشىم

شىرشىملىق

شىرغاⅠ

شىرغاⅡ

شىرقىراتماق

شىرقىراشماق

شىرقىرىماق

شىركەت

شىركەتچىلىك

شىركەيپ

شىركەيپلىك

شىرما

شىرمەننان

شىرنە

شىرنىخور

شىرنىلەشمەك

شىرنىلىك

شىرىتماق

شىرىشماق

شىرىقⅠ

شىرىقⅡ

شىرىقشىتماق

شىرىق-شىرىق

شىرىقلاتماق

شىرىقلىماق

شىرىلداتماق

شىرىلداشماق

شىرىلدىماق

شىرىلماق

شىرىلىك

شىرىما

شىرىماق

شىزا

شىزاندارا

شىش

شىشىخال

شىغىرتما

شىفىر

شىفىرلاشتۇرماق

شىفىرلاشتۇرۇلماق

شىفىرلاشماق

شىق

شىقىلداتماق

شىقىلداشماق

شىقىلداق

شىقىلدىماق

شىكار

شىكارگاھ

شىكايەت

شىكايەتچى

شىكايەتنامە

شىكەستە

شىكەستىلەندۈرمەك

شىكەستىلەنمەك

شىڭⅠ

شىڭⅡ

شىڭ-شىڭ

شىڭغالتاق

شىڭگىل

شىڭلاتماق

شىڭلاشماق

شىڭلانماق

شىڭلى

شىڭلىماق

شىڭىلدىماق

شىلەپە

شىلەپىلىك

شىلتىشماق

شىلتىڭ

شىلتىڭ ئاتماق

شىلتىماق

شىلدۇرماق

شىلدىپ

شىلدىر

شىلدىر-شىلدىر

شىلدىرلاتماق

شىلدىرلاشماق

شىلدىرلىماق

شىلدىرما

شىلدىرما داپ

شىلغاق

شىللە

شىللىسىغا مىنمەك

شىللىق

شىللىق پەردە

شىللىڭ

شىللىۋاغ

شىلماق

شىلۋى

شىلىپ

شىلىپپىدە

شىلىپ-شىلىپ

شىلىپلاتماق

شىلىپلىماق

شىلىشماق

شىلىق

شىلىق-شىلىق

شىلىققىدە

شىلىقلاتماق

شىلىقلىماق

شىلىم

شىلىمشىق

شىلىملاتماق

شىلىملاشماق

شىلىملانماق

شىلىملىماق

شىلىنماق

شىليۇز

شىلدۇرماق

شىم-تۇجۇركا

شىم-كاستۇم

شىمال (شىمالى)

شىمالىي

شىمايلاتماق

شىمايلاشماق

شىمايلانماق

شىمايلىماق

شىمپەنزە

شىملىق

شىمىرمەك

شىنا

شىنتايتماق

شىنتايتىشماق

شىنتايماق

شىنتوئىزم

شىنخۇا

شىۋاق

شىۋاقلىق

شىۋەك

شىۋەكلىك

شىۋىر

شىۋىر-شىۋىر

شىۋىرغاق

شىۋىرغان

شىۋىرغانلىق

شىۋىرلاشماق

شىۋىرلىماق

شىي

شياشى

شياڭشېڭ

شياۋدۈي

شىيلاتماق

شىيلاشماق

شىيلامچى

شىيلامچىلىق

شىيلانماق

شىيلىماق

شيۇجېڭجۇيى

ئىزاھى

ش

  • ش[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئون تۆتىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئون تۆتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما. «ش» ھەرىپنىڭ ئايرىم شەكلى «ش»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ش»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ش»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ش»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «شې» دۇر.

  • «ش» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئالدى-قاتتىق تاڭلاي تاۋۇش، تاۋۇش چىقىرش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭسىز تاۋۇشتۇر.

  • «ش» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتى

  • 1. «چ» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «چ» ۋە «ر» تاۋۇشىدىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، شۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «چ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا «ش» غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • كۈچلۈك كۈشلۈك

  • ئاچقۇچ ئاشقۇچ

  • ياغاچچىلىق ياغاچچىلىق

  • ئۇچرا ئۇچرا

  • 2. خەنزۇ تىلىدىكى «sh» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا «ش» ھەرىپى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • چاڭشا changsha — شەندۇڭ shandong —

شاپⅠ

  • شاپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسىنىڭ بەش تال قانىتى بولىدۇ. ئادەتتە قۇرغاق، شېغىللىق ۋە شورلۇق جايلاردا ئۆسىدۇ.

شاپⅡ

  • شاپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① يۇمشاق بىرنەرسىنىڭ ئىككىنچى بىرنەرسىگە تېزلىك بىلەن تېگىپ چاپلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ چاغدا ئىستاتورغا «شاپ» قىلىپ دەسسەيمىز-دە، گۈركىرىتىپ كېتىۋېرىمىز.[يەشمىسى:] ② گۆش قاتارلىق بەزى تاماقلارنى چاينىغاندا، ئېغىزدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەتتا غىزا چايناشلىرىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى، بەزىلىرى چىپ-چاپ قىلىپ قاتلىما چايناۋاتاتتى، بەزىلىرى ھېلى شاپ، ھېلى شۇپ قىلىپ، خۇشياقمىغان ھالدا گۆش چايناۋاتاتتى.

شاپⅢ

  • شاپⅢ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچى ئارقىغا قايرىلغان ھالەتتە سوقۇلغان بىر خىل قىلىچ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ خىل قىلىچ شەكلىدە قويۇلغان ياكى شۇ خىل قىلىچ شەكلىدىكى:[مىسال:] شاپ بۇرۇت.

شاپⅣ

  • شاپⅣ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېز، ئىتتىك.

شاپائەت

  • شاپائەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قوللاپ قۇۋۋەتلەش، ھىمايىسىگە ئېلىش؛ ياردەم؛ ياخشىلىق:[مىسال:] ياراتقان ئىگەم بەندىسىگە شاپائەت قىلسا، قوشلاپ بېرىدىكەن.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

شاپائەتچى

  • شاپائەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاپائەت، ياخشىلىق، ياردەم قىلغۇچى؛ ھىمايىچى، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگۈچى:[مىسال:] بەختسىز كىشىلەر «شاپائەتچى بىلەن شاپائەتكە مۇيەسسەر بولغان كىشى دوست بولىدۇ، بارلىق ئۇلۇغ قەلب ئىگىسى تامامەن باراۋەر بولىدۇ» دەپ قارايدۇ.

شاپائەتسىز

  • شاپائەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاپائىتى يوق، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلمايدىغان، ياردەم بەرمەيدىغان، شەپقەتسىز:[مىسال:] شاپائەتسىز ئادەم.

شاپائەتلىك

  • شاپائەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاپائىتى بار، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان، قوللايدىغان، شەپقەتلىك:[مىسال:] ئەي ئەقىل-پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن شاپائەتلىك ئىگەم، ھىممىتىڭگە رەھمەت

شاپاش

  • شاپاش[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئالدىراپ مېڭىش ھالىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

شاپاشلاتماق

  • شاپاشلاتماق[يەشمىسى:] «شاپاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] -ئۇمۇ ئوبدان يىگىتقۇ، -دەيتتى ئامىنە جەمىلىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ.-شۇنچىۋالا شاپاشلىتىپ قىينىغۇچە ماقۇللۇق بەرسەڭ بولمامدۇ.

شاپاشلاشماق

  • شاپاشلاشماق[يەشمىسى:] «شاپاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يېقىندىلا ئۇلار سىزنى كۆككە كۆتۈرۈشكەنىدى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ كەينىدە شاپاشلىشىپ يۈرىدۇ.

شاپاشلىماق

  • شاپاشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئادەم ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئارقىسىدىن چېپىپ يۈرمەك؛ ئالدىراپ ماڭماق، ئالدىرىماق:[مىسال:] ئۇ ئەمدى توختى شۇجىنىڭ قۇندۇز ئۈچۈن شۇنچە شاپاشلاپ كېتىشلىرىنىڭ سىرىنى چۈشەنگەنىدى.

شاپاق

  • شاپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىقلارنىڭ پوستى.

شاپاقچى

  • شاپاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوغۇن-تاۋۇزلارنىڭ شاپاقلىرىنى تېرىپ توپلىغۇچى كىشى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ئەخلاقسىز، بۇزۇق ئايال:[مىسال:] ماڭاۋاي شاپاقچى، دېدى ئۇ ئاغزىنى بۇزۇپ.

شاپاقچىلىق

  • شاپاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخلاقسىزلىق، ئۆز تېنىنى سېتىش قىلمىشى:[مىسال:] نېمە دەيتتۇق، شاپاقچىلىق قىلما دەۋاتىمىز ئەزىمەتكە يانداش تۇرغان بىرى رىزۋاننى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتى.

شاپاق-شالتاق

  • شاپاق-شالتاق[يەشمىسى:] قوغۇن-تاۋۇز ۋە ئۈزۈم-شاپتۇل قاتارلىق نەرسىلەر.

شاپالداق

  • شاپالداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① شاپىلاق. [يەشمىسى:] ② چىۋىن ئۆلتۈرىدىغان پالاق.

شاپپىدە

  • شاپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېز، چاپسان، ئىتتىك.

شاپتۇل

  • شاپتۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان مېۋىلىك دەرەخ. سورتى كۆپ. مېغىزىنى دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى. [يەشمىسى:] ③ پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

شاپتۇللۇق

  • شاپتۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاپتۇل دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن، شاپتۇل دەرىخى بار يەر، مەيدان ياكى باغ:[مىسال:] توغرا ئېرىقتىن شاپتۇللۇققا ئۇدۇل يول ئالىمىز، -دېدى ئۇ بىزگە قاراپ. ∥ شاپتۇللۇق ھويلا.

شاپۇر-شۇپۇر

  • شاپۇر-شۇپۇر[يەشمىسى:] ① «شاپ-شاپ» ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئۇلار شاپۇر-شۇپۇر قىلىشىپ ئارانلا قېچىشقا ئۈلگۈردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدىراپ-سالدىراپ؛ ناھايىتى تېز، ئىتتىكلا:[مىسال:] ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، چاشكىدىكى سۇ بىلەن شاپۇر-شۇپۇر يۈزىنى يۇيۇپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردى.

شاپىگراف

  • شاپىگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بېسىش ماشىنىسىنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر خىلى. بۇنىڭدا خەت شام قەغەز ئۈستىگە قول ياكى ماشىنكا ياردىمىدە يېزىلىپ، ئۇنىڭغا مەتبەئە مېيىنى سۈركەش ئارقىلىق بېسىپ چىقىلىدۇ.

شاپىلاق

  • شاپىلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قولنىڭ بەش بارماق ۋە ئالىقان قىسمى:[مىسال:] بۇ قىز شاپىلاقلىرى بىلەن ئېڭەكلىرىمنى بوشقىنە مىدىرلىتىپ مېنى ئۆزىگە قارىتىشقا ئۇرۇندى.[يەشمىسى:] ② قولنىڭ بەش بارمىقى ۋە ئالىقان بىلەن بېرىلگەن زەربە:[مىسال:] ئابىدەمنىڭ يۈزىگە كەينى-كەينىدىن بىرنەچچە شاپىلاق تەگدى.

شاپىلاقلاتماق

  • شاپىلاقلاتماق[يەشمىسى:] «شاپىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆزلىرى ئۇ چاغدا مېنى تازا شاپىلاقلاتقاندىلە، تەقسىر. بىراق ھازىر مەن سىلىنى شاپىلاقلاتمايمەن.

شاپىلاقلاشماق

  • شاپىلاقلاشماق[يەشمىسى:] «شاپىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر تەرەپتىن بىر-بىرىنى شاپىلاقلىشىپ، كىيىملىرىنى يىرتىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم چىدىغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللىشاتتى.

شاپىلاقلانماق

  • شاپىلاقلانماق[يەشمىسى:] «شاپىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] -خوپ بولۇپتۇ، بارما، بارما دېسەم ئۇنىماي بېرىپ، تازا شاپىلاقلىنىپ كەپتۇ.-رەۋىخان تۆمۈرئاخۇننىڭ سوئالىغا جاۋابمۇ بەرمەستىن، كايىشقا باشلىدى.

شاپىلاقلىماق

  • شاپىلاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شاپىلاق بىلەن ئۇرماق، شاپىلاق سالماق:[مىسال:] ئۇ بىر قولى بىلەن باشقا ئۇرۇپ يەنە بىر قولى بىلەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە شاپىلاقلايتتى.

شاپىلداتماق

  • شاپىلداتماق[يەشمىسى:] «شاپىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىچكىركى ئۆيدە كىمدۇر بىرى شاپىلدىتىپ گۆش چايناۋاتاتتى.

شاپىلداشماق

  • شاپىلداشماق[يەشمىسى:] «شاپىلدىماق» پېئىلىنىپ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شاپىلدىماق

  • شاپىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شاپ-شاپ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شاپ-شاپ» قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ شاپىلداپ بىرنەرسە يېيىۋاتقانلىقىنى سەزگەن قىز كۆزىنى بوشقىنە ئېچىپ ئۇنىڭغا قاراپ قويدى.

شاتارى

  • شاتارى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① رويان ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، پارقىرايدۇ. گۈلى چوڭ، ئاق ۋە پۇراقلىق كېلىدۇ. مېۋىسى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە ئۇنى سېرىق بوياققا ماتېرىيال قىلغىلى ياكى دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تېبابەتچىلىكتە ئۇ قىزىتما ۋە ياللۇغنى قايتۇرغۇچى دورا ھېسابلىنىدۇ. گۈلى زىننەت ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

شاتراق

  • شاتراق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇيۇق كەلگەن ئارقا پېشاب، چوڭ تەرەت:[مىسال:] ئۇي چوڭ قورۇنى ئىككى ئايلانماستىنلا قۇيرۇقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ شاتراق قويۇۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شاللاق، تۇتۇرۇقسىز:[مىسال:] شاتراق ئادەم. شاتراق ئوغۇل.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى سۈرۈپ كەتكەن، شاتراقلايدىغان:[مىسال:] شاتراق موزاي. * بىر شاتراق كالا خاماننى بۇلغايدۇ.

شاتراقلاتماق

  • شاتراقلاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شاتراقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۇ قەلەندەر، كالىلارنى خوخىلىققا ھەيدەپ، خوخا يېگۈزۈپ كالىلارنى شاتراقلاتماقچىمۇ-سەن

شاتراقلاشماق

  • شاتراقلاشماق[يەشمىسى:] «شاتراقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھوي خوتۇن، موزايلارغا نېمە بەرگەنىدىڭ موزايلار شاتراقلىشىپ قوتاننى دەسسىگۈسىز قىلىۋېتىپتۇ، -دېدى بوۋاي.

شاتراقلىماق

  • شاتراقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوڭ تەرىتى، تېزىكى سۇيۇق كەلمەك؛ ئىچى سۈرۈپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بالىسى شاتراقلاپ تۇرىدۇ، بىچارە، بالىسىنى توسىمەن دەپ ئولتۇرغانىكەن.

شاتۇت

  • شاتۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئۈجمىنىڭ بىر تۈرى. مېۋىسىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ ياكى قارامتۇل بولۇپ، تەمى چۈچۈمەل كېلىدۇ، ئىستېمال قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

شاتۇتلۇق

  • شاتۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاتۇت دەرىخى ئۆسكەن يەر، مەيدان.

شاتۇتى

  • شاتۇتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تۇمشۇقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى چوڭ ۋە ئىلمەك، ئاستىنقى قىسمى كىچىك ۋە قىسقا. پەي-تۈكلىرى ئاق، قىزىل، سېرىق، يېشىل قاتارلىق رەڭلەردە بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق كېلىدۇ. تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ياشايدۇ، مېۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئاۋازلىرىنى دورىيالايدۇ.

شاتۇر

  • شاتۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پادىشاھنىڭ ئېتىنى يېتىلەپ ماڭغۇچى خىزمەتكار؛ پادىشاھنىڭ خاس قوغدىغۇچىسى. [يەشمىسى:] ② تېز ماڭىدىغان، ئىتتىك يۈگۈرىدىغان، يەل تاپان ئادەم:[مىسال:] قاچ، قاچ قايسىڭ قاچالىساڭ شۇ شاتۇر قايسىڭ ئامان قالساڭ شۇ باتۇر[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

شاتۇن

  • شاتۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] مېخانىزملاردىكى پورشېننىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكىتىنى دوك ئوققا ئۇزىتىپ بېرىدىغان ياكى دوك ئوقنىڭ ئايلانما ھەرىكىتىنى پورشېنغا ئۇزىتىپ بېرىدىغان دېتال.

شاتىۋار

  • شاتىۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا يىپتىن ئاياللارنىڭ كۆڭلەك كىيىشىگە باب قىلىپ توقۇلغان چاقماق گۈللۈك رەخت.

شاجا

  • شاجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۈلپەت، شېرىك؛ خېرىدار.

شاخ

  • شاخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك، دەرەخ قاتارلىقلارنىڭ يانلىرىدىن ئۆسۈپ چىققان تارماق بۆلىكى؛ پۇتاق:[مىسال:] دەرەخ شېخى. قوناق شېخى.

شاختىن شاخقا قونماق

  • شاختىن شاخقا قونماق[يەشمىسى:] بىر ئىشنى ياكى بىر مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلىپ تۈگەتمەيلا يەنە بىر ئىش ياكى بىر مەسىلىگە ئۆتمەك، تۇراقسىزلىق قىلماق:[مىسال:] ئۇلاردىن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنى، ھۇرۇنلۇق ۋە شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىش لازىم.

شېخىغا قاقماق

  • شېخىغا قاقماق[يەشمىسى:] رەددىيە بەرمەك، گېپىنىڭ بېلىگە تەپمەك، رەت قىلماق:[مىسال:] ئۇلارچە سىنىپ تەربىيىچىسى دېگەن بىر قامۇس، نېمىنى ئاختۇرسا، جاۋاب چىقىۋېرىدۇ. قانداق قىلىسەن، شېخىغا قېقىشقا، مەيدىسىدىن ئىتتىرىۋېتىشكە بولاتتىمۇ

شاخاب

  • شاخاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دەريا ۋە چوڭ ئۆستەڭلەردىن بۆلۈنگەن تارماق سۇ يولى، تارماق ئېقىن. [يەشمىسى:] ② قاغىلىق ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

شاخابچە

  • شاخابچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك شاخاب.

شاخار

  • شاخار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ چالا كۆيگەن قالدۇقى، تولۇق كۆيۈپ بولالمىغان قىسمى؛ چۇچىلا.

شاخچە

  • شاخچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك شاخ:[مىسال:] نوتىلار بىرقەدەر قېلىن بولسا، بەزى قوشۇمچە شاخچىلارنىڭ مېۋىگە كىرىشى بالدۇرراق بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② تارماق، بۆلۈنمە:[مىسال:] تۆمۈر بوۋا تاشقىن سۇنىڭ شاخچە جىلغىلار ئارقىلىق نەگىدۇر ئېقىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

شاخسانىغۇچ

  • شاخسانىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شاخ+سانىغۇچ[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئائىلىسى. بۇ ئائىلىدىكى قۇشلارنىڭ تېنى كىچىك، كۆپىنچە قوڭۇر ياكى قېنىق يېشىل رەڭدە كېلىدۇ، تۇمشۇقى قىسقا ھەم ئۇچلۇق بولىدۇ، جاراڭلىق سايرايدۇ، ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىققا پايدىلىق.

شاخشا

  • شاخشا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زىلۋا، كېلىشكەن، قاملاشقان.

شاخشارما

  • شاخشارما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چۇل-چۇل، پاچاق-پاچاق، كۇكۇم-تالقان.

شاخشۇر

  • شاخشۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاغ جىنىسلىرىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ھاسىل بولغان ئۇششاق تاشلار.

شاخ-شۇمبا

  • شاخ-شۇمبا[يەشمىسى:] دەل-دەرەخلەرنىڭ كېسىلگەن شاخ-پۇتاقلىرى:[مىسال:] ئۆيى ئاتاققىلا ئۆي ئىكەن، تورۇستىن قۇمۇش، شاخ-شۇمبىلار ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.

شاخلاتماق

  • شاخلاتماق[يەشمىسى:] «شاخلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] -بۇ دەرەخنى بۇنچە شاخلىتىۋەتكۈچە كېسىۋەتسەڭ بولمامدۇ-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.

شاخلانماق

  • شاخلانماق[يەشمىسى:] «شاخلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بولدى قىلسىلا، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى تەگەۋەرسىلە گەپ شاخلىنىپ جېدەل تېرىلىدۇ، دېدىم مەن زىۋىدىخاننى سۆزدىن توختاتماق بولۇپ.

شاخلىق

  • شاخلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شېخى بار، شاخ چىقارغان:[مىسال:] مەن يۆلىنىپ تۇرغان يايپاڭ شاخلىق قېرى ئارچا دەرىخى ماڭا ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىتەتتى.

شاخلىما

  • شاخلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدىغان، تارماق:[مىسال:] شاخلىما نوتا.

شاخلىماق

  • شاخلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوت<[يەشمىسى:] شاخ، پۇتاق چىقارماق؛ شاخ ئايرىماق:[مىسال:] زاۋۇت، مەكتەپ، دوختۇرخانىلار، قاتار كەتكەن چوڭ يولنى بويلاپ. يېشىل باغلار جەننەتتىن گۈزەل، بولدى بوستان كۆچەتلەر شاخلاپ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تارماق، بۆلەكلەرگە بۆلۈنمەك:[مىسال:] ئاقئۆستەڭ قاش دەرياسىدىن بۆلۈنگەندىن كېيىن غەربكە قاراپ يول ئېلىپ، كۈرەنىڭ ياقىسىغا كەلگۈچە ھەر يانغا قاراپ شاخلاپ كېتىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇششاقلىماق؛ كۆپەيمەك، ئاۋۇماق:[مىسال:] ئۇ تىل توغرىسىدىكى تېمىغا كەلگەندە، بەكلا شاخلاپ كەتتى.

شاخىنا

  • شاخىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ كەتكەندە كېلىدىغان چوڭ تەرەت؛ شاتراق:[مىسال:] شاخىنا قويماق.

شاخىنەكⅠ

  • شاخىنەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئويماق.

شاخىنەكⅡ

  • شاخىنەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئازغان تىپىدىكى بىر خىل چاتقال.

شاخىنىچى

  • شاخىنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىدىغان ئادەم ياكى ھايۋان:[مىسال:] شاخىنىچى بالا. شاخىنىچى كالا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گېپىدە تۇرمايدىغان، چىدىماس ئادەم:[مىسال:] شاخىنىچى ئادەم.

شاد

  • شاد[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇشال، خۇرسەن، مەمنۇن:[مىسال:] تۇغقان ئانامدەك، كۆرىمەن سېنى. ئۆستۈرمەكتە شاد، تەربىيەڭ مېنى. ∥ بىزنى شاد قىلساڭ، خۇدا كۈلىدۇ، ئوغلۇم، دېدى بوۋاي.

شادا

  • شادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاستى-ئۈستىگە پاراللېل قويۇلغان ئىككى تال ياغاچقا بىرقانچە تال بالداقنى ئورنىتىش ئارقىلىق ياسالغان قۇرۇلما، رېشاتكا ۋە بۇ قۇرۇلمىنىڭ ھەر بىر بالدىقى. [يەشمىسى:] ② ئەتلەس دۇكىنىدىكى تۆت قات ئۆرۈش يىپلارنىڭ گېرەلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تۆت تال تاياقچە.

شاد-خۇرام

  • شاد-خۇرام[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇشال-خۇرام، ناھايىتى خۇشال، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك:[مىسال:] بىز ئىلگىرى شاد-خۇرام ئىدۇق... ئەمدى ئۇنداق كۈنلەر يوق. بۇنى چۈشەنسىڭىز كېرەك، دېدى ئۇ ھەسىرەتلىك ئاھاڭدا.

شاد-خۇراملىق

  • شاد-خۇراملىق[يەشمىسى:] خۇشال-خۇراملىق، ناھايىتى خۇشاللىق:[مىسال:] تراگېدىيە ئاخىرلىشىپ، بۇ ئالتۇن دىيار شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

شادلاندۇرماق

  • شادلاندۇرماق[يەشمىسى:] «شادلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سادىق ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەر رەيھاننىمۇ، پەرھات بىلەن شىرىنئاينىمۇ شادلاندۇردى.

شادلاندۇرۇلماق

  • شادلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «شادلاندۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئارغىماقلار يېڭى سەپكە ئاتلاندۇرۇلسا، مەزلۇم ئەلنىڭ غەمكىن دىلى شادلاندۇرۇلسا، شۇندا مەنمۇ قەھقەھ ئۇرۇپ كۈلەتتىم راسا.

شادلانماق

  • شادلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇشال بولماق، مەمنۇن بولماق، سۆيۈنمەك:[مىسال:] خەۋەر تارقالغان ھامان ئامما شادلىنىپ ئارقا-ئارقىدىن غۇلغۇلا قىلىشتى.

شادلىق

  • شادلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشاللىق، مەمنۇنلۇق خۇرسەنلىك، سۆيۈنۈش، خۇش بولۇش:[مىسال:] شادلىققا چۆممەك. * ھەرقانداق كۆڭۈل يېرىملىق، خاپىلىق كەلسە، رەنجىپ كەتمەي ئۆزۈڭنى چىڭ تۇتۇپ يۈرگىن، ئاخىرىدا شادلىق كېلىدۇ.

شادلىنىشماق

  • شادلىنىشماق[يەشمىسى:] «شادلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شادىپەن

  • شادىپەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شادا+پەن[[يەشمىسى:] ماتاچىلىق كەسپىدە بىر لوتنى ئىككىگە ئايرىيدىغان كىچىك تاختا ياغاچ.

شادىقۇلۇپ

  • شادىقۇلۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شادا+قۇلۇپ[[يەشمىسى:] شادا شەكلىدە ياسالغان، ئاچقۇچى ئاچىماق بىر خىل قۇلۇپ:[مىسال:] سابىت ئاكىنىڭ ئىشكىدىمۇ يوغان بىر شادىقۇلۇپ تۇرۇپتۇ.

شادىلاتماق

  • شادىلاتماق[يەشمىسى:] «شادىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىگەندىن بېرى بالىلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاران قوتان ئەتراپىنى شادىلاتتىم.

شادىلانماق

  • شادىلانماق[يەشمىسى:] «شادىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

شادىلىق

  • شادىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شادىسى بار؛ شادىدىن ياسالغان:[مىسال:] بىز شادىلىق دەرۋازىنى ئېچىپ ھويلىغا كىردۇق.

شادىلىماق

  • شادىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شادا بېكىتمەك، شادا ئورناتماق:[مىسال:] قوتاننىڭ ئىشىكىنى شادىلاپ بولدۇم.

شادىمان

  • شادىمان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شاد، خۇشال-خۇرام ھالدا:[مىسال:] ئەمدى ئۆز ماكانىڭلارغا بېرىپ شادىمان ياشاڭلار، دېدى ھاتەم.

شادىمانلىق

  • شادىمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شادلىق، خۇشاللىق، خۇرسەنلىك:[مىسال:] سۆزلىشىشنىڭ مۇنداق تەبىئىي باشلانغانلىقى ئىككىسىنىڭ كۆڭلىگە شادىمانلىق بېغىشلىدى.

شادىيانە

  • شادىيانە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تەنتەنىلىك ھالدا؛ خۇشال-خۇراملىق بىلەن:[مىسال:] ناغرىچىنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق جۈپ ناغرىسى شادىيانە گۈمبۈرلەپ، ئويغاتقۇچى جاراڭلىق مۇقام ئاھاڭلىرى تاڭ شاماللىرى ئارقىلىق يىراق-يىراقلارغا كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەنتەنىلىك، شاد-خۇراملىق نامايان بولۇپ تۇرغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىككى مەڭزى قىزارغان، كۆزلىرىدە بىر خىل شادىيانە نۇر جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەلىبە، مۇۋەپپەقىيەت قاتارلىقلارنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن چېلىنىدىغان تەنتەنە مۇزىكىسى، شادلىق كۈيى؛ ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى:[مىسال:] ناغرا بىلەن سۇناي شادىيانىدىن ساماغا يۆتكەلدى.

شادىيانىلىق

  • شادىيانىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشال-خۇراملىق، شادلىق، تەنتەنە:[مىسال:] پاتەمخان موماينىڭ گۆھىرى چانىقىغا ئولتۇرۇشۇپ نۇرى ئۆچكەن كۆزلىرىدە بىر خىل شادىيانىلىق جىلۋىلەندى.

شارⅠ

  • شارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] يېرىم چەمبەرنىڭ ئۆز دىئامېتىرى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىل:[مىسال:] شار سىرتى. شار سېگمېنتى. شار مەركىزى.[يەشمىسى:] ② شۇ شەكىلدىكى نەرسە:[مىسال:] پولات شار. يەر شارى. ئاي شارى. شەرقىي يېرىم شار. غەربىي يېرىم شار.[يەشمىسى:] ③ نېپىز رېزىنكە، كاۋچۇك يالىتىلغان رەخت ۋە سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسىلىپ، ئىچىگە ھاۋا، ھىدروگېن ۋە گېلىي قاتارلىقلار قاچىلىنىدىغان يۇمىلاق خالتىسىمان بۇيۇم.

شارⅡ

  • شارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقلارنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئېقىشى ياكى تۆكۈلۈشى ۋە ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئەمدىلا يېرىم يولغا كەلگەندە تۇيۇقسىز شار قىلىپ يامغۇر يېغىپ كەتتى.

شاراب

  • شاراب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يەرلىك ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن، گرادۇسى تۆۋەن ياكى ناھايىتى ئاجىز بولغان بىر خىل ھاراق، مەي:[مىسال:] شاراب ئىچمەك.

شارابار

  • شارابار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كەڭ ھەم بەل، پۇچقاقلىرى رېزىنكە بىلەن يىغىلغان بوغماق ئىشتان.

شارا-بارا

  • شارا-بارا[يەشمىسى:] ئەسكى-تۈسكى كىيىم-كېچەك:[مىسال:] «شارا-بارا كونا-يېڭى بارمۇ» ساۋۇر ئاكا ئەنە شۇنداق ۋارقىراپ، مەھەللىلەرگە كىرىپ كېلەتتى.

شارا-بارىچى

  • شارا-بارىچى[يەشمىسى:] كونا-يېڭى كىيىم-كېچەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسكى-تۈسكىلەرنى يىغىدىغان كىشى.

شارا-بارىچىلىق

  • شارا-بارىچىلىق[يەشمىسى:] كونا-يېڭى كىيىم-كېچەك، ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ئىشى.

شارابخانا

  • شارابخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندىكى شاراب ساتىدىغان ۋە شاراب ئىچىلىدىغان ئۆي، شاراب دۇكىنى؛ قاۋاقخانا.

شارابخور

  • شارابخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] شارابقا ئامراق، شارابنى كۆپ ئىچىدىغان كىشى؛ ھاراقكەش:[مىسال:] ئەگەر شارابخورلارغا يولۇقۇپ ئۇيقۇسىز قالساڭ، ئەتىسى كۈندۈزدە ئۇخلىشىڭ لازىم.

شارابخورلۇق

  • شارابخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شارابنى كۆپ ئىچىدىغان، شارابقا ئامراق مىجەز، خۇسۇسىيەت؛ ھاراقكەشلىك:[مىسال:] ھاشىم خەيرلىشىپ: كۆپ شارابخورلۇق قىلالمايمەن، قايتاي، دېدى.

شاراپەت

  • شاراپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خىسلەت، پەزىلەت، خاسىيەت؛ پايدا، نەپ:[مىسال:] ياخشىنىڭ شاراپىتى، ياماننىڭ كاساپىتى (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

شاراپەتلىك

  • شاراپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاسىيەتلىك، پەزىلەتلىك؛ پايدىلىق؛ قۇتلۇق:[مىسال:] ئىمامنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىسىم ئىنتايىن ئېسىل، شاراپەتلىك ئىسىم بولۇپ، بىزچە مەنىسى «نۇرلۇق، پارقىراپ تۇرىدىغان» دېگەن بولىدىكەن.

شاراجىل

  • شاراجىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] توپ ئۆسىدىغان، يوپۇرمىقى ئەمەنگە ئوخشاش ئۇششاق بولىدىغان ھەم سارغۇچ ئېچىلىدىغان بىر خىل ئوت.

شاراچىن

  • شاراچىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يوپۇرمىقى يېسسى ھەم ئۇششاق، توپ ئۆسىدىغان، ئۇششاق چېچەكلەيدىغان بىر خىل ئوت.

شاراق

  • شاراق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ئۆزئارا ياكى باشقا قاتتىق نەرسىلەرگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىدىن تۇتۇپ ئالدىغا تارتقانىدى، ئىشىك قانىتى «شاراق» قىلىپلا توختاپ قالدى.

شاراق-شاراق

  • شاراق-شاراق[يەشمىسى:] ① «شاراق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قۇلۇپلار شاراق-شاراق قىلىپ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② سېغىزخاننىڭ سايرىغان ئاۋازى:[مىسال:] «شاراق-شاراق» دەپ سايراۋاتقان سېغىزخان ئاۋازى ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ باراتتى.

شاراق-شۇرۇق

  • شاراق-شۇرۇق[يەشمىسى:] «شاراق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] بۇ نېمىسى دېدى يۇلىيە جەھلى بىلەن قولىدىكى يەلپۈگۈچنى شاراق-شۇرۇق قاتلاپ تىزىغا قويۇپ.

شاراققىدە

  • شاراققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «شاراق» قىلىپ، «شاراق» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئىشىكنىڭ ئىلغۇچى «شاراققىدە» چۈشۈپ كەتتى.

شاراقشىتماق

  • شاراقشىتماق[يەشمىسى:] «شاراقشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىمىر شاراقشىتىپ سوقۇۋاتقان سەنپەننى توختاتتى.

شاراقشىماق

  • شاراقشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شاراقلىماق:[مىسال:] ئۇ ئەمدى بايىقى قار بوۋايدىن مۇز بوۋايغا ئايلانغانىدى، سەللا مىدىرلىسا پۈتۈن بەدىنى شاراقشىيتتى.

شاراقلاتماق

  • شاراقلاتماق[يەشمىسى:] «شاراقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇۋىدى، بىرى ئىشىك ئىلغۇچىنى شاراقلاتتى. * چېرىكلەر مىلتىقلىرىنى شاراقلاتتى.

شاراقلاشماق

  • شاراقلاشماق[يەشمىسى:] «شاراقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يېڭى بويۇنتۇرۇقلار تاراقلاشتى، زەنجىرلەر شاراقلاشتى.

شاراقلىماق

  • شاراقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شاراق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شاراق» قىلماق:[مىسال:] كارىدور تەرەپتىن قۇلۇپ شاراقلاپ ئۇ كىرىپ كەلدى.

شاراڭ-شۇرۇڭ

  • شاراڭ-شۇرۇڭ[يەشمىسى:] دېگۈسى كەلگەننى يۈز-خاتىرە قىلىپ تۇرماستىن ئوچۇقتىن-ئوچۇق دەيدىغان، ئىچىدە گەپ ساقلىمايدىغان (ئادەملەر ھەققىدە):[مىسال:] شاراڭ-شۇرۇڭ ئات كۆتۈرەر، جىمغۇر پۇت كۆتۈرەر (ماقال).

شارائىت

  • شارائىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەھۋال، مۇھىت، ھالەت، ۋەزىيەت:[مىسال:] مىللىي ئارمىيىنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى ئاقسۇ تەرەپتە تۇرۇۋاتقان شارائىتتا ئازاد ئۈچ ۋىلايەت زېمىنى بۇ پولكنىڭ پايانسىز ۋە ئىشەنچلىك ئارقا سېپى ھېسابلىناتتى.

شارپا

  • شارپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بويۇننى ئىسسىق تۇتۇش، كىيىمنىڭ ياقىسىنى ئاسراش ياكى زىننەت بېرىش مەقسەتلىرى ئۈچۈن بويۇنغا ئورىلىدىغان ئۇزۇن ھەم چاسا شەكىلدىكى توقۇلما بۇيۇم.

شارت

  • شارت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① تۆمۈر قاتارلىق بىرەر قاتتىق نەرسىنى تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە كۈچى بىلەن بېسىپ تۇرۇپ ئالدىرىماي سۈركىگەندە چىقىدىغان ئاۋاز. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ شارت قىلىپ قىلىچنى قىنىدىن چىقاردى.

شارتتىدە

  • شارتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «شارت» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «شارت» قىلىپ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېزلىك بىلەن، بىردىنلا، بىريولى:[مىسال:] ئابدۇنىياز شارتتىدە بۇرۇلدى-دە، ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

شارت-شارت

  • شارت-شارت[يەشمىسى:] «شارت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شارت-شۇرت

  • شارت-شۇرت[يەشمىسى:] ① «شارت» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى تېز، تېزلىك بىلەن:[مىسال:] ھۇ كالۋا دەپ كەتتى دادام ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق، قولۇمدىن تۇماقلارنى شارت-شۇرت تارتىپ ئېلىپ.

شارتىلداتماق

  • شارتىلداتماق[يەشمىسى:] «شارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] جېلىل غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىچنى شارتىلدىتىپ تاشقا بىلەشكە باشلىدى.

شارتىلداشماق

  • شارتىلداشماق[يەشمىسى:] «شارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شارتىلدىماق

  • شارتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شارت-شارت» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شارت-شارت» قىلماق:[مىسال:] ئورغاقلار شارتىلداپ، سارغىيىشقا باشلىغان قوناق غوللىرىنى يىلتىزىدىن ئايرىپ باراتتى.

شارچە

  • شارچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك شار:[مىسال:] قوي سۈتىدە ياغ مول، ياغ شارچىلىرىنىڭ ھەجمى كىچىك، تارقىلىشى تەكشى. شۇڭا، ئوڭاي ئېرىپ ئاسان ھەزىم بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شارغا ئوخشاش، شار شەكلىدىكى، يۇمىلاق:[مىسال:] شارچە ئاقسىل. شارچە بىخ.

شاررىدە

  • شاررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «شار» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «شار» قىلىپ:[مىسال:] شاررىدە يامغۇر ياغدى-دە، بىزنى مەيداندىن سىنىپقا قاچۇردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېز ھەم راۋان:[مىسال:] قېنى، ئالە، قولۇڭغا ئوغلۇم، مۇنۇ كادىر ئاكاڭنىڭ ئالدىدا شاررىدە بىر ئوقۇۋېتە

شارسىمان

  • شارسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شارغا ئوخشاش، شار شەكلىدىكى؛ يۇمىلاق:[مىسال:] شارسىمان مېۋە. شارسىمان باكتېرىيە. شارسىمان غول.

شار-شار

  • شار-شار[يەشمىسى:] «شارⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شار-شۇر

  • شار-شۇر[يەشمىسى:] ① «شار» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] كۆڭۈل ئاغرىقىمۇ بىر پارچە قارا بۇلۇتقا ئوخشايدۇ، شار-شۇر قىلىپ تۆكۈدىغىنىنى تۆكىدۇ-دە، ئۆتۈپ كېتىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭلىگە كەلگەن گەپنى ئايىماي دەپ تاشلايدىغان، كۆڭلىدە گەپ ياتمايدىغان:[مىسال:] شار-شۇر دېيىشىدۇ، بەزى يەرگە كەلگەندە شۇنداق شار-شۇرلارمۇ ياخشىكەن، ئادەم مىسمىس بولغاندىن شار-شۇر بولسا ياخشىراق ئىكەن.

شارقىراتما

  • شارقىراتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇنىڭ ئېگىز ئورۇندىن تىك ھالەتتە پەسكە قاراپ تېز ھەم شارقىراپ چۈشىدىغان جايى. ئۇنىڭ بەزىلىرى تەبىئىي شەكىللەنگەن بولسا، بەزىلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بولىدۇ.

شارقىراتماق

  • شارقىراتماق[يەشمىسى:] «شارقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇ ئاچتىم دەپ، سۇنى شارقىرىتىپ ئۆستەڭگە باشلاپ قويغىنىڭ نېمىسى بوۋام شۇنداق دېدى-دە، ئېرىقنىڭ سۇ تېشىپ چۈشۈرۈۋەتكەن يان تەرىپىنى كۆمۈشكە باشلىدى.

شارقىراشماق

  • شارقىراشماق[يەشمىسى:] «شارقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شارقىرىماق

  • شارقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شار» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شار-شار» قىلماق:[مىسال:] يامغۇر شارقىراپ قۇيۇۋەتتى. * ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىماقتا ئىدى، دەريا بىر خىل رىتىمدا تىنىمسىز شارقىرايتتى.

شارۇپ

  • شارۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇدۇقتىن سۇ تارتىدىغان ياغاچ قۇرۇلما.

شارىك

  • شارىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پولاتتىن ياسالغان يۇمىلاق مارجان شەكىللىك دېتال. ئۇ ئادەتتە ئىچكى ۋە تاشقى قازانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزىلىپ، چاق ئايلانغاندا قازاننىڭ مەركىزىنى ئوراپ ئايلىنىدۇ.

شارىلداتماق

  • شارىلداتماق[يەشمىسى:] «شارىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شارىلدىتىپ ئۆستەڭ سۈيىنى، سۇ ئىچىگە تاشلاندى بىرى، ئۇنىڭ چاققان ئۈزۈشلىرىگە، قاراپ بىر قىز تۇراتتى نېرى.

شارىلدىماق

  • شارىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «شار-شار» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «شار-شار» قىلماق، شارقىرىماق:[مىسال:] شارىلداپ يېغىۋاتقان يامغۇر ئاخىرى ئىككىمىزنى بىر كۈنلۈك ئاستىغا كىرىپ مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چېتىلما رەۋىشداش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، «راۋان ھەم تېز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىز ئۇنى كىچىك دەپ بوش كۆرمەڭ، ھازىر ئۇ خەنزۇچە كىتابلارنى شارىلداپ ئوقۇيالايدۇ.

شازا

  • شازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خەن<[يەشمىسى:] ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ئۈچ يېنى قىرلىق، بىر تەرىپى ئوچۇق قىلىپ ياسالغان، بىرنەرسىنى يەنە بىرنەرسىگە يۆتكەش ياكى ئەخلەت قاتارلىقلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم.

شازىلىماق

  • شازىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شازىغا قاچىلىماق، ئۇ بۇغدايلارنى شازىلاپ سۈكەنگە قۇيۇشقا باشلىدى.

شاش

  • شاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تولۇق كۆندۈرۈلمىگەن؛ ئاسانلىقچە تۇتقىلى، باشقۇرغىلى بولمايدىغان:[مىسال:] شاش ئات. * ئاغزى يۇمشاق موزاي شاش كالىنىمۇ ئېمەلەيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شوخ:[مىسال:] سۈرىتىڭنى مۇنچە سىزغان قايسى بىر نەققاش ئىكەن ئۆزلىرىڭدىن كۆزلىرىڭ كەپسىز ئىكەن-بەك شاش ئىكەن.

شاشتۇرماق

  • شاشتۇرماق[يەشمىسى:] «شاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دۈشمەنلەرنى ھەم شاشتۇرۇپ، ئۆلۈكىنى ئاتقا باستۇرۇپ. ئەسقەر تېغىدىن ئاشۇرۇپ، چېپىڭ سەيلانە-سەيلانە.

شاشلاشماق

  • شاشلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شاش ھالەتكە كەلمەك، شاش بولماق:[مىسال:] كەڭرى يايلاقتا، ئاتلار سەمرىپ، شاشلىشىپ كەتتى.

شاشلىق

  • شاشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شوخ خۇي، شوخ مىجەز؛ كەپسىزلىك:[مىسال:] تۆگە شاشلىق قىلىپ بىزگە ھېچ تۇتۇق بەرمىدى.

شاشماق

  • شاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالدىرىماق، ھولۇقماق؛ ئېسەنگىرىمەك:[مىسال:] شاشماي قىلمامسەن، ئالدىرمايدىغان ئىش يوق، -دېدى تاغىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ.

شافىئىي

  • شافىئىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپى ئىچىدىكى بىر تارماق مەزھەپ. ئاساسچىسى ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد شافىئىي. ھازىر سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 29 پىرسەنتى مۇشۇ مەزھەپتە.

شاق

  • شاق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىگە بىرنەرسىنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] تەخمىنەن بىر ئاچقۇچنى قۇلۇپقا سېلىشىمغىلا، قۇلۇپ شاق قىلىپ ئېچىلىق كەتتى.

شاقاقۇل

  • شاقاقۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. قۇۋۋەتلەندۈرۈش ھەم ئۆپكىنى نەمدەش رولىغا ئىگە.

شاقشاقⅠ

  • شاقشاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاچا تۇياق ھايۋانلارنىڭ پۇت بېغىشىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان ئىككى تال سۆڭەك، دوكۇر.

شاقشاقⅡ

  • شاقشاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا سۆزلەيدىغان، كۆپ سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان؛ بىر ئىزدا تۇرمايدىغان، شوخلۇقتا ئېشىپ كەتكەن (ئاياللار ھەققىدە):[مىسال:] بۇ قىزنىڭ ساددىلىقى مېنى ھاياجانلاندۇرغان بولسىمۇ، بارغانچە مەلۇم بولۇۋاتقان شاقشاقلىقى مېنى ئىككىلەندۈرگەنىدى.

شاق-شاق

  • شاق-شاق[يەشمىسى:] «شاق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شاق-شۇق

  • شاق-شۇق[يەشمىسى:] ① «شاق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] بەزىدە باشقىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن «ئۇنسۇر» دىن بىرەرىنى ئۇخلىغانلىقتا ئەيىبلەپ شاق-شۇق بىرنەچچە كاچات سېلىۋېتەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېزلىك بىلەن؛ ئىتتىك، چاپسان:[مىسال:] زىياننىڭ ئورنىنى شاق-شۇق تولدرۇرۇۋېلىش زۆرۈر.

شاققىدە

  • شاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «شاق» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «شاق» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ مېنى كۆرۈپ ئەپكىشىنى شاققىدە قويۇپ يېقىملىق كۈلۈمسىرىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېزلىكتە، بىردىنلا، غاچچىدە:[مىسال:] ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، خۇشال ھالدا سۇپىغا قاراپ ماڭدى.

شاقۇر

  • شاقۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «شارقىراتما»غا قاراڭ.

شاقۇر-شۇقۇر

  • شاقۇر-شۇقۇر[يەشمىسى:] تاش، تۆمۈر پارچىسى قاتارلىقلارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] بىز ئۆستەڭگە تىنىپ كەتكەن شېغىلنى يۇقىرىغا تاشلاشقا باشلىدۇق، بىردەمدىن كىيىنلا شاقۇر-شۇقۇر تاش ئاۋازى قۇلاقنى ئاغرىتتى.

شاقىلداتماق

  • شاقىلداتماق[يەشمىسى:] «شاقىلدىماق» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ھاشىم ئاكا كەشىنى شاقىلداتقىنىچە يۈگۈرۈپ دېگۈدەكلا مېھمانخانىدىن چىقتى.

شاقىلداق

  • شاقىلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① سىلكىگەندە «شاق-شاق»ئاۋاز چىقىرىدىغان، شاقىلدايدىغان بالىلار ئويۇنچۇقى. [يەشمىسى:] ② ياغاچتىن ياسالغان، سىلكىگەندە شاقىلداپ ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر خىل مۇزىكا. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كاززاپ، كاسكى، تولا سۆزلەيدىغان ئايال:[مىسال:] ھېلىقى شاقىلداقنى دەمسەن ئاداش، دېدى رەيھان زىلەينىڭ مۈرىسىگە بوش نوقۇپ.

شاقىلدىماق

  • شاقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شاق-شاق» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «شاق-شاق» قىلماق:[مىسال:] شاقىلداقنىڭ شاقىلدىغان ئاۋازى قۇشقاچلارنى ئۈركۈتۈۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپ سۆزلىمەك:[مىسال:] ئۇ بۈگۈن شاقىلداپ ھېچكىمنى سۆزلىگىلى قويمىدى.

شاكالⅠ

  • شاكالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇخۇم، ئۈچكە، غوزا قاتارلىقلارنىڭ تاشقى پوستى:[مىسال:] پىيالىدىكى ھاراقنىڭ ئاستى-ئۈستىدە تۇخۇم شاكىلى، موخوركا قالدۇقلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② يېيىلىپ بولغان ئۈزۈم شۆپۈكى، ئۈزۈم خامىنىدىن قېلىپ قالغان ئۇششاق ياغاچ قاتارلىقلار:[مىسال:] 60 ياشقا كىردىم، دېدى ئۇ ئۈستەلدىكى ئۈزۈم شاكاللىرىنى يىغىشتۇرۇپ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كېرەكسىز نەرسە:[مىسال:] ئېيتمىساممۇ بىلەرسىز، ئېسىل مىسرا چىقماس ھەرگىز شاكالسىز، بۇنىڭغا ئىزا تارتىش ھاجەتسىز.

شاكاللاشماق

  • شاكاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سىرتقى پوستى قېتىپ شاكال ھالىتىگە كەلمەك، شاكالغا ئايلانماق:[مىسال:] غوزىلار سېرىق شاكاللىشىپ، بۇلۇتتەك كۆپۈپ ئېچىلىدىغان پاختىلار نابۇت بولدى، نېمە قىلىشنى بىلمەيلا قالدۇق.

شاكاللىق

  • شاكاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاكىلى بار، شاكىلى تۈگىمىگەن:[مىسال:] ۋىيەي، سويۇپ بەردىم دەپ، بەرگىنىڭىز مۇشۇمۇ، ساپ شاكاللىق تۇرمامدۇ بۇ تېخى، دېدى ئۇ ماڭا چاقچاق قىلغاچ سىرلىق كۆزلىرىنى تىكىپ.

شاكىچىك

  • شاكىچىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ئوغۇل بالا.

شاكىراب

  • شاكىراب[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتايىن ئاچچىق، تۇزلۇق:[مىسال:] تۇپراق شاكىراب تۇز ئىدى. * ئاشنى شاكىرابلا قىلىۋېتىپسىلەرغۇ دېدى ئۇ پادىشاھلاردەك جاراڭلىق سوراق تەلەپپۇزى بىلەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇزلۇق سۇ:[مىسال:] بىراق شاكىرابقا چىلانغان ناننىڭ يېرىمىنى سىيىت يېدى-دە.

شاكىلات (شاكىلاتى)

  • شاكىلات (شاكىلاتى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كاكائۇ، شېكەر قاتالىقلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بىر خىل كەمپۈت.

شاگىرت

  • شاگىرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر ھۈنەرۋەن، كاسپتىن ھۈنەر ئۆگەنگۈچى كىشى. [يەشمىسى:] ② ئوقۇغۇچى، تالىپ:[مىسال:] ھازىرقى موللىلارنىڭ كۆپلىرى توختىئاخۇن خەلپەمنىڭ شاگىرتلىرى، دېدى دادام ماڭا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر كىشىنىڭ پىكرى يا تەلىماتىنىڭ قوللىغۇچىسى، تەرەپدارى، ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچى:[مىسال:] بىز ئۇلۇغ ماركسىزمچى ماۋزېدوڭنىڭ شاگىرتلىرى.

شاگىرتلىق

  • شاگىرتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاگىرت بولۇش ئىشى:[مىسال:] ئاتام مېنى ئامالسىز مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىكىگە ياردەملەشتۈرگەن، ئاز-تولا ھۈنەر-كەسىپ ئۆگەنسۇن دەپ جۇۋا-تۇماقچىلىققا شاگىرتلىققىمۇ بەرگەن.

شاڭ

  • شاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆتۈك پۈتكەندىن كېيىن قونچىنى تۈزەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قونچىغا قاقىدىغان ياغاچ كالتەك، ئۆتۈكنىڭ قونچىغا سېلىنىدىغان ياغاچ قېلىپ:[مىسال:] شاڭ قاقماق.

شاڭتو

  • شاڭتو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ھارۋىنىڭ شوتىسى ئىچىگە قوشۇلغان (ئىچ) ئاتنىڭ ئالدىغا يەنە ئات قوشۇش ئۈچۈن، شوتىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۇزۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بىر تەرىپىگە جاۋەن بېكىتىلىدىغان، يەنە بىر ئۇچى بولسا ھارۋا ئوقى يالى شوتىنىڭ ئاستى قىسمىغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان ئىككى يانلىق ئارغامچا:[مىسال:] شاڭتو ئات.

شاڭجياڭ

  • شاڭجياڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى گېنېراللار ئىچىدىكى بىر دەرىجە. جۇڭجياڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

شاڭخادەن

  • شاڭخادەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئەلا سۈپەتلىك بىر خىل تاۋار:[مىسال:] شاڭخادەن كۆرپە. شاڭخادەن كۆڭلەك.

شاڭخو

  • شاڭخو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مەسخرە، مازاق؛ چاقچاق:[مىسال:] شاڭخو قىلماق.

شاڭخوچى

  • شاڭخوچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشقا ئامراق ھەم ئۇستا ئادەم:[مىسال:] قاسىم بەك شاڭخوچى، ئۇنىڭ يېنىدا ئاۋايلاپ سۆزلىمىسە بولمايدۇ.

شاڭخوچىلىق

  • شاڭخوچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاڭخو قىلىش ھەرىكىتى، شاڭخو قىلىش ئادىتى:[مىسال:] ئاشپۇزۇلغا كىرىپ قالسا ماڭا «دا» دەپ، شاڭخوچىلىق بەزمىسىدە ھا، ھا، ھا دەپ، «ئۆزۈمنىڭ گۈل، باشقىلارنىڭ شۇمبۇيا» دەپ، شىكايەتكە بېشىچە پاتقان شائىر ئەمەس.

شاڭزۇڭ

  • شاڭزۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] 1949-يىلدىن بۇرۇنقى سودىگەرلەرنىڭ سودىگەرلەر ئىچىدىن سايلانغان باشلىقى.

شاڭشى

  • شاڭشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى جۈنشى ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە.

شاڭشياۋ

  • شاڭشياۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى شياۋگۇەنلەر ئىچىدىكى بىر دەرىجە، جۇڭشياۋدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

شاڭۋېي

  • شاڭۋېي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى ۋېيگۈەنلەر ئىچىدىكى بىر دەرىجە. جوڭۋېيدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

شاڭيو

  • شاڭيو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئازادلىقتىن بۇرۇنقى تۈزۈمدە ھازىرقى يېزا باشلىقىغا تەڭ مەمۇرىي ئەمەل ۋە شۇنداق ئەمەلگە ئېرىشكەن ئادەم، مۇنداق ئەمەلدارنى ھۆكۈمەت شۇ يەرلىك خەلقتىن بەلگىلەيدىغان بولۇپ، شاڭيو بىر يېزىنى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن باشقۇراتتى.

شاڭيولۇق

  • شاڭيولۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاڭيولارنىڭ ئورنى، ۋەزىپىسى، شاڭيولارنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئەمىلى:[مىسال:] شاڭيولۇق تۈزۈم. شاڭيولۇق قىلماق.

شالⅠ

  • شالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. دانلىق زىرائەتلەر قاتارىدا ئۆستۈرۈلىدۇ دېنى (گۈرۈچى) ئىستېمال قىلىنىدۇ.

شالⅡ

  • شالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يۇڭدىن توقۇلغان قېلىن تىۋىتلىق رومال:[مىسال:] ئالدىمدا ماڭ-تۇر دېدى، باتۇر يۈرەك ئۆمەرجان. چۈشتى ئاتنىڭ ئالدىغا، شال يېپىنغان جاسۇس خان.

شالⅢ

  • شالⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەلۇم قېلىنلىقتا ۋە مەلۇم كەڭلىكتە تىلىنغان ياغاچ:[مىسال:] قاپقاراڭغۇ كېچە، قەدىردىن دېرىزىلىرىگە شال قېقىلغان سىنىپنى ئايلىنىپ كېتەلمىگەنگە يېرىم سائەتتىن ئاشتى.

شالⅣ

  • شالⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىزدىن ئاققان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، شۆلگەي:[مىسال:] بۆرىسى يوق جاڭگال، ئوغرىسى يوق يۇرت نەدە بار دېدى بەگ غەزەپ بىلەن شالىنى چېچىپ، بىزنىڭ يېڭىساردا ئوغرى يوقمۇ مەن بىلىمەن.

شالىنى چاچماق

  • شالىنى چاچماق[يەشمىسى:] تۇترۇقسىز، بىمەنە گەپلەرنى توختىماي سۆزلەۋەرمەك، تولا سۆزلىمەك؛ ئورۇنسىز ئاچچىقلاپ قاقشىماق:[مىسال:] ئەتىدىن كەچكىچە شالىڭنى چاچماي، يولۇڭغا ماڭمامسەن، قىزىمۇي دېدى تاقىتى تاق بولغان زىۋىدىخان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي.

شالⅤ

  • شالⅤ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەدىمكى دەۋرلەردە جىنايەتچىلەرنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان تاختاي، تاقاق:[مىسال:] تاقاقنىڭ ئۈستىگە كىيدۈردى شالنى، سېلىشتى گۇندا ئۈستىگە ئىشكەلنى.

شالا

  • شالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەش، ئوچاق، پىلىتە قاتارلىقلارنىڭ ئوت قالىغاندا كۈلى ئاستىغا چۈشۈپ كېتىش ئۈچۈن تۆمۈردىن تارغاقسىمان ياسالغان قۇرۇلمىسى.

شالاپ

  • شالاپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ سۇ، لاي قاتارلىق نەرسىلەرگە چۈشۈپ كېتىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] بىر پۇتۇم شالاپ قىلىپ پاتقاققا كىرىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئادەم ۋە ھايۋانلار بىرنەرسىنى ئىتتىك يېگەندە چىققان ئاۋاز:[مىسال:] كەچكىچە شالاپ قىلىپ ئولتۇرماي ئىتتىكرەك يېمەمسەن دېدى ئاپام مېنى ئالدىرىتىپ.

شالاپپىدە

  • شالاپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «شالاپ» قىلغان ھالدا، «شالاپ» قىلىپ:[مىسال:] ئىت ئۇ گۆشنى شالاپپىدە يەۋەتتى.

شالاپ-شالاپ

  • شالاپ-شالاپ[يەشمىسى:] «شالاپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] نەچچە كۈن ئاچ قالغان بۇ ئىت شالاپ-شالاپ قىلىپلا يالاقتىكى ئۇماچنى ئىچىپ تۈگەتتى.

شالاپ-شۇلۇپ

  • شالاپ-شۇلۇپ[يەشمىسى:] «شالاپ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئۇ بىر چىنە ئاشنى شالاپ-شۇلۇپ قىلىپلا ئىچىۋەتتى-دە، ئالدىراپ ئۆيدىن چىقتى.

شالاپشىتماق

  • شالاپشىتماق[يەشمىسى:] «شالاپشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ ئارىدا قەيەردىندۇر، بىر ئىت كېلىپ بەتبۇي قۇسۇقنى شالاپشىتىپ ئازراق يالىدى-دە، كېيىن نەگىدۇر يوقالدى.

شالاپشىماق

  • شالاپشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شالاپ-شالاپ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شالاپ-شالاپ» قىلماق.

شالاپلاتماق

  • شالاپلاتماق[يەشمىسى:] «شالاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۈگىتىپلا «ئېلىپبە» نى «بىلدىم» دېمە، سۇدا قارماق قىمىرلىسا «ئىلدىم» دېمە. تىزىڭغىچە سۇنى كېچىپ شالاپلىتىپ، «مەن دېڭىزنىڭ تۈۋىگىچە كىردىم» دېمە.

شالاپلاشماق

  • شالاپلاشماق[يەشمىسى:] «شالاپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى بۆرە يەردىكى قانلارنى شالاپلىشىپ ئىچىپ بوپتۇ.

شالاپلىماق

  • شالاپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شالاپ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شالاپ» قىلماق:[مىسال:] راست دېگەندەك ئالدى تەرەپتىن بىرىنىڭ پاتقاقتا شالاپلاپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرۈندى.

شالاسىن

  • شالاسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «شالا»غا قاراڭ.

شالاق

  • شالاق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقلارنىڭ يەر يۈزىگە بىردىنلا تۆكۈلۈشىدىن ياكى چايقىلىشىدىن ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ سۇيۇقلۇقلارغا قاتتىق ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ جاسۇسنىڭ يۈزىگە شالاق قىلىپ تۈكۈردى-دە، ئۇ يان-بۇ يان قاراپمۇ قويماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۈسكۈنىلىرى كونىراپ كاردىن چىققان، دېتاللىرى بوشىشىپ ئەسكىرەپ كەتكەن، كونا؛ كارغا كەلمەيدىغان؛ ئەبجەق:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ شالاق ماشىنىسىغا مېنى يولۇقتۇرۇپ قويغان خۇدادىن رەنجىدىم، بىراق ئامال يوق-تە

شالاق-شۇلۇق

  • شالاق-شۇلۇق[يەشمىسى:] «شالاق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئۇ داسلاردىكى سۇنى شالاق-شۇلۇق قىلىپ تۆكۈشكە باشلىدى.

شالاقشىتماق

  • شالاقشىتماق[يەشمىسى:] «شالاقشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاتتىق بوران ئامباردىكى سۇنى شالاقشىتىپ قىرغاقلارغا ئۇراتتى.

شالاققىدە

  • شالاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «شالاق» قىلغان ھالدا، «شالاق» قىلىپ:[مىسال:] مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋىدى بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى.

شالاقلاتماق

  • شالاقلاتماق[يەشمىسى:] «شالاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوھوي، دېدى مەسۈم بوۋا ئوچاق بېشىدا ئولتۇرغان نەۋرىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇماچنى شالاقلىتىپ تازا قاينىتىۋېتىپسەنغۇ، تازا ئوخشايدىكەن-دە.

شالاقلاشماق

  • شالاقلاشماق[يەشمىسى:] «شالاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شالاقلىماق

  • شالاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «شالاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، شالاقشىماق:[مىسال:] سۇ تاغ شامىلىنىڭ تەسىرىدە يېنىك داۋالغۇپ بىر خىل رىتىم بىلەن شالاقلاپ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۈسكۈنە، دېتاللىرى كونىراپ كەتمەك، دېتاللىرى بوشاپ كونىرىماق، ئەبجىقى چىقماق:[مىسال:] راستىنى ئېيتسام مېنىڭ ھارۋام شالاقلاپ كەتكەن بىر ھارۋا ئىدى.

شالاڭ

  • شالاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىچ، قويۇق ئەمەس؛ ئۇ يەردە بۇيەردە، سۇيۇق، ئاز؛ كۆپ ئەمەس:[مىسال:] شالاڭ كېۋەز. شالاڭ قوناق. شالاڭ ئەلگەك.

شالاڭلاتماق

  • شالاڭلاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شالاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كېۋەز شالاڭلاتماق. قوناق شالاڭلاتماق. * ئورمانلارنى كېسىپ شالاڭلىتىش مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شالاڭلاشتۇرماق

  • شالاڭلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «شالاڭلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نۇرغۇن تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ قويۇق دولقۇنلۇق چاچلىرىنى شالاڭلاشتۇرۇۋالغان بۇ ئالىم خەتنى يەنە ئىخلاس بىلەن ئۇقۇشقا باشلىدى.

شالاڭلاشۇرۇلماق

  • شالاڭلاشۇرۇلماق[يەشمىسى:] «شالاڭلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاھالىلەرنىڭ بىر قىسمى سىرت يېزىلارغا كۆچۈرۈلۈپ، مەھەللە بىرئاز شالاڭلاشتۇرۇلدى.

شالاڭلاشماق

  • شالاڭلاشماق[يەشمىسى:] «شالاڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سائەت 12 بولۇپ قالدى، ئەمدى كېلىدىغانلارمۇ شالاڭلاشماقتا ئىدى.

شالاڭلىتىلماق

  • شالاڭلىتىلماق[يەشمىسى:] «شالاڭلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مايسىلار بىرىنچى يىلى مۇۋاپىق شالاڭلىتىلغاندىن كېيىن، تۇپراقنىڭ نەملىكى يېتەرلىك بولۇشى زۆرۈر.

شالاڭلىق

  • شالاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىچ، قويۇق بولمىغان، سۇيۇق ھالەت؛ ئازلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ چېچىنىڭ شالاڭلىقىدىن ئەقلىي ئەمگەكچى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش تەس ئەمەس ئىدى.

شالاڭلىماق

  • شالاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شالاڭ ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] بارغانسېرى ئاقىرىپ كېتىۋاتقان كوچىلاردا ئادەملەر ئايىغى شالاڭلىماقتا ئىدى.

شالالىق

  • شالالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شالاسى بار، شالا ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ يەر تۆمۈرچىلىك دۇكىنى قىلىشقا ھەقىقەتەن ئەپلىك، بىزدىن كېتىدىغىنى پەقەت شالالىق ئوچاق سېلىپ پەستىن كۆمۈر چىقىرىشلا ئىدى.

شالتاق

  • شالتاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېۋە-چېۋە، قوغۇن-شاپاق قاتارلىقلارنىڭ بىرنەرسىگە چاپلاشقان شىرنىسى:[مىسال:] بالا تاۋۇزنى يەيمەن دەپ يۈزلىرىنى شالتاق قىلىۋالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پاسكىنا، مەينەت:[مىسال:] شالتاق قىلماق.

شالتىقىغا تېيىلماق

  • شالتىقىغا تېيىلماق[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ يامان ئىشىغا قوشۇلۇپ قالماق، باشقىلارنىڭ يامان ئىشلىرى تۈپەيلى ئەيىبلەنمەك:[مىسال:] ھەتتا ئايۇپ دېگەن ھوقۇقدرامۇ ئۇنىڭ شالتىقىغا تېيىلىپ كەتتى.

شالتىقىنى ئادالىماق

  • شالتىقىنى ئادالىماق[يەشمىسى:] چاتىقىنى تۈگەتمەك، خاتالىرىنى ئوڭشىماق، پوقىنى ئېرىغدىماق:[مىسال:] ھاراقلا ئىچىسەن، ئۆزۈڭنى جۆندەشنى بىلمەيسەن، بىز زادى قاچانغىچە سېنىڭ شالتىقىڭنى ئادالايمىز

شالتاقلىق

  • شالتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاسكىنىلىق، مەينەتلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېغىزىنىڭ شالتاقلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.

شالتاي-پالتاي

  • شالتاي-پالتاي[يەشمىسى:] تۇتۇرۇقسىز قۇرۇق گەپ قىلىش، تولا سۆزلەش:[مىسال:] تولا شالتاي-پالتاي گەپ قىلماي نەخ گېپىڭنى دېگىنە، دېدىم ئۇنىڭغا.

شالچىⅠ

  • شالچىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شال تېرىيدىغان دېھقان:[مىسال:] ھازىر ئۇ يەردە شالچىلارنىڭ ئۆيلىرىمۇ پەيدا بولدى.

شالچىⅡ

  • شالچىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچنى شال قىلىپ تىلىدىغان ئادەم، شال تىلغۇچى.

شالدام

  • شالدام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېغىزدىن شالى ئېقىپ تۇرىدىغان ئادەم.

شالداما

  • شالداما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك بالىلار بىرنەرسە يېگەندە مەيدىسىنى شالتاق قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن مەيدىسىگە تارتىپ قويۇلىدىغان بەلگىلىك ئۆلچەم بويىچە تەييارلانغان لاتا.

شالدۇر

  • شالدۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] دەرەخ ۋە قوناق شاخلىرى قاتارلىقلارنىڭ سىلكىنىشىدىن ياكى ئۆزئارا ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.

شالدۇر-شۇلدۇر

  • شالدۇر-شۇلدۇر[يەشمىسى:] «شالدۇر» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] قوناقلىقتىكى ھەربىر شالدۇر-شۇلدۇر مېنى گويا توشقاندىنمۇ سەگەك قىلىۋەتكەنىدى.

شالدۇرۇق

  • شالدۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «شالداما»غا قاراڭ.

شالدىر

  • شالدىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قوناق شېخى قاتارلىقلارغا باشقا نەرسىلەرنىڭ تېگىشىدىن ياكى ئۆزئارا ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.

شالدىراق

  • شالدىراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «شالدىر» قىلغان ئاۋازنى چىقىرىدىغان:[مىسال:] شالدىراق يىلان.

شالدىرشاپ

  • شالدىرشاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈجمە، ئۆرۈك قاتارلىقلارنى قاققاندا، قېقىلغان مېۋىلەر ئۈستىگە چۈشىدىغان چوڭ داستىخان.

شالدىر-شۇلدۇر

  • شالدىر-شۇلدۇر[يەشمىسى:] «شالدىر» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

شالدىرلاتماق

  • شالدىرلاتماق[يەشمىسى:] «شالدىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بوران ئاددىي دېھقان ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىسىدىكى قوناق شاخلىرىنى شالدىرلىتىپ، ئاپتاپپەرەس غوللىرى ۋە شال پاخاللىرىنى ئۇچۇرتۇپ ئۆتەتتى.

شالدىرلاشماق

  • شالدىرلاشماق[يەشمىسى:] «شالدىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شامالدا قوناقلار شالدىرلىشىپ، ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

شالدىرلىماق

  • شالدىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شالدىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شالدىر» قىلماق:[مىسال:] شامالدا يوپۇرماقلىرى شالدىرلاۋاتقان دەرەخلەر ئارىسىدىن ئېگىز-پەس ئۆيلەر بىلەن يېزا مەسچىتىنىڭ يېشىل گۈمبىزى قارىيىپ كۆرۈنەتتى.

شالدىرما

  • شالدىرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېشەك، ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى مىنىپ ماڭغاندا، توقۇم ياكى ئېگەرنىڭ بىر يەرلىرىگە ۋە ياكى نوختىنىڭ بىر يەرلىرىگە ئېسىپ قويۇلىدىغان، شالدىرلاپ تۇرىدىغان كىچىك كولدۇرما، كىچىك قوڭغۇراق.

شالغۇت

  • شالغۇت[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئۇرۇقداش ياكى ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان؛ مېتىس:[مىسال:] شالغۇت خوراز. شالغۇت زىگوتا. شالغۇت كالا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلاردىكى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تۈر، ئۇرۇقداش ياكى ئىككى خىل سورتنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېلىپ چىققان يېڭى بىر خىل سورت. بۇنىڭدا ئالدىنقى بىر ئەۋلاد سورتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ:[مىسال:] شالغۇت ئەجدادى. شالغۇت ئەۋزەللىكى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوخشاش بولمىغان ئىرق ياكى مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن تۇغۇلغان:[مىسال:] پۇرومى پوپ شالغۇت ئىدى. ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغانىكەن، چوڭ ئانىسى يەھۇدىينىڭ قېنى ئارىلاشقان بېلگىيىلىك ئايال ئىكەن.

شالغۇتلاشتۇرماق

  • شالغۇتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «شالغۇتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى كۆممىقوناق ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈلدى.

شالغۇتلاشتۇرۇلماق

  • شالغۇتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «شالغۇتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شالغۇتلاشتۇرۇلغان سوقىچاق شال سورتلىرى يېتىشتۈرۈلدى.

شالغۇتلاشماق

  • شالغۇتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئۇرۇقداش ۋە سورتتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار قوشۇلۇپ ياكى چېتىشىپ، يېڭى بىر خىل سورتنى پەيدا قىلماق:[مىسال:] بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇرۇقچىلىق شىركىتى ئاساسلىق ئۇرۇقلۇق خىللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ، سورتى كۆپ بولۇش، قالايمىقان بولۇش، شالغۇتلىشىپ كېتىش ھادىسىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتتى.

شاللاتماق

  • شاللاتماق[يەشمىسى:] «شاللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تېخنىك ئۆزى تۆپىدە تۇرۇپ ئۇرۇق شاللاتتى.

شاللاشماق

  • شاللاشماق[يەشمىسى:] «شاللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇرۇقچىلىق پونكىتىدا يىگىرمىگە يېقىن ئايال ھەدەپ ئۇرۇق شاللىشىۋاتىدۇ.

شاللاق

  • شاللاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېغىر-بېسىق ئەمەس، تۇتۇرۇقسىز، ئۈجمە كۆڭۈل:[مىسال:] ھەنىپەمنىڭ ئەھۋالىنى بىز ھەر جەھەتتىن ئۇقۇشۇپ باقتۇق، بەك شاللاق، يېنىك قىز ئىكەن.

شاللاقلىق

  • شاللاقلىق[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېسىق بولمىغان ھالەت، تۇتۇرۇقسىزلىق، ئۈجمە كۆڭۈللۈك:[مىسال:] [مىسال:] بەزىلەر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانغاندا مېڭە ئىشلەتمەي شاللاقلىق قىلىدۇ.

شاللانماق

  • شاللانماق[يەشمىسى:] «شاللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] رەھبەرلىك سېپىدىكى ئىقتىدارسىز كىشىلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئاستا-ئاستا شاللىنىپ رەھبەرلىك سېپى خىللاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

شاللىق

  • شاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شال تېرىلغان يەر؛ شال ئېتىزى:[مىسال:] بىز ئىككىمىز يېتىلىشىپ شاللىققا باردۇق.

شاللىماق

  • شاللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىلغاپ، تاللاپ چىقىرىۋەتمەك:[مىسال:] ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار مېنى ئۆز قاتارىدىن شاللىۋېتىشتى.

شالۇك

  • شالۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېغىزىدىن ئاققان شۆلگەي.

شالۋاق

  • شالۋاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «شۆلگەي»گە قاراڭ.

شالۋۇر

  • شالۋۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تېرىدىن تىكىلگەن شىم، ئىشتان.

شامⅠ

  • شامⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقىت:[مىسال:] ئۇلار شام ئارىلىقىدا بىر شەھەرگە كىرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندە ئۆتەيدىغان بەش ۋاخ نامىزىنىڭ تۆتىنچىسى:[مىسال:] دادام شامنى ئۆتەپ بولۇپ قايتىپ چىقتى.

شامⅡ

  • شامⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھايۋان مېيىدىن ئوتتۇرىسىغا پىلىك بېكىتىپ ياسايدىغان چوكىسىمان چىراغ:[مىسال:] ئۇلار چاي ئىچىشىپ ئولتۇرغىنىدا، شام تۈگەپ ئۆچۈپ قاپتۇ.

شام گۆر

  • شام گۆر[يەشمىسى:] ئۇزۇن ۋە چوڭقۇر ئېرىق تارتىپ، ئىككى تەرىپىگە قاتارلاپ ئېچىلغان گۆر ياكى يۇمىلاق گۈمبەز ياكى ئۆي شەكىللىك ئۆي ئورۇنلاشتۇرۇلغان گۆر:[مىسال:] پادىچى تاغ ئۆڭكۈرىگە، دەرەخنىڭ كاۋىكىغا ياكى پۇچۇق گۈمبەز، شام گۆرلەرگە كىرىۋېلىپ سوغۇقتىن دالدىلىنىدىكەن.

شاما

  • شاما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قايناق سۇغا سېلىنغان چاينىڭ تەمى چىقىپ بولۇپ، قېلىپ قالغان قالدۇقى.

شاما قىلىۋەتمەك

  • شاما قىلىۋەتمەك[يەشمىسى:] ① ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتمەك، ئېزىپ مىچىلدىتىۋەتمەك (بىرەر نەرسىنى ئۇرۇش ياكى شۇنداق ھەرىكەت ھەققىدە):[مىسال:] ئىشىڭنى قىلە، ماڭ ھېلى بىكار شاما قىلىۋەتمەي.[يەشمىسى:] ② ۋايىغا يەتكۈزمەك؛ تولۇق بىلمەك، مۇكەممەل ئىگىلىمەك:[مىسال:] ئۇ ساز دېگەننى شاما قىلىۋەتتى. * بىز دېگەنچۇ، ياپونچىنى 15 ياش چېغىمىزدا شاما قىلىۋەتكەن، جۇمۇ، دېدى ئۇ مەيدىسىگە مۇشتلاپ.

شامال

  • شامال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھاۋانىڭ يەر يۈزىنى بويلاپ ئېقىشى، ھاۋانىڭ ئاقما ھەرىكىتى. ھاۋا بېسىمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ باراۋەر بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ:[مىسال:] تۈنۈگۈن قاتتىق سوغۇق شامال چىقتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىجتىمائىي مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان، تېز چىقىپ، تېز ئاخىرلىشىدىغان ئىجتىمائىي ھەرىكەت:[مىسال:] زىۋىرشا، ھەيدەرلەرمۇ شۇ، ئۇلار ھەرقانچە جۇۋا تاراقشىتىپمۇ شامال چىقىرالمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ مارالبېشى ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

شامال تەگمەك

  • شامال تەگمەك[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] شامالداش تۈپەيلى بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولماق، ئاغرىپ قالماق:[مىسال:] تاماقنى يەپلا سىرتقا چاپقىنىنى، دېدى دادام ئىنىمنى توسۇپ، -تەرىڭ قۇرۇماستا سىرتقا چىقساڭ، شامال تېگىپ قالمامدۇ[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ زىيان تارتماق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگەك مېۋىسىگە شامال تېگىدىغانلىقىنى جەزم قىلغانىدى.

شامال چىقارماق

  • شامال چىقارماق[يەشمىسى:] ھەرىكەت قوزغىماق؛ غۇلغۇلا پەيدا قىلماق:[مىسال:] ئۇ دىلشاتنىڭ بۇ چوڭ خەتلىك گېزىتى ئارقىلىق بىر شامال چىقىرىپ، شەھەر بويىچە «بۇرژۇئا مائارىپ لۇشيەنىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى»نى ياراتماقچى ئىدى.

شامال دارىماق

  • شامال دارىماق[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچىدە:[مىسال:] جىن چاپلىشىپ، نېرۋىسى ئاجىزلاشماق، ساراڭ بولۇپ قالماق:[مىسال:] بىرنەچچە شامال دارىپ قالغان ئاغرىق-سىلاقنى تېپىپ، تۇغ باغلاپ پېرە قىلدىم.

شامال ساندۇقى

  • شامال ساندۇقى[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قول ياكى دۋىگاتېل بىلەن ئايلاندۇرۇپ شامال چىقىرىش ئارقىلىق تېپىلگەن دانلىق زىرائەتلەرنىڭ سامىنى بىلەن دېنىنى ئايرىيدىغان بىر خىل قۇرۇلما.

شامالغا ئەگەشمەك

  • شامالغا ئەگەشمەك[يەشمىسى:] ۋەزىيەتكە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرمەك، ۋەزىيەت قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە شۇ تەرەپتە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلماق.

شامالغا باقماق

  • شامالغا باقماق[يەشمىسى:] ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتماق، ۋەزىيەت قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە شۇ تەرەپتە تۇرماق.

شامالغا سورۇۋەتمەك

  • شامالغا سورۇۋەتمەك[يەشمىسى:] بىكار ئىسراپ قىلماق، ئورۇنسىز بۇزۇپ-چاچماق:[مىسال:] ئاتاڭنىڭ شۇنچىۋالا مال-دۇنياسىنى ئىككى يىلدا شامالغا سورۇۋەتتىك، ئەمدى سەل كېيىنىڭنىمۇ ئويلاپ قوي، دېدى بوۋاي مېنى ئەيىبلەپ.

شامالغا قاراپ خامان سورۇماق

  • شامالغا قاراپ خامان سورۇماق[يەشمىسى:] ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرمەك، شامالغا باقماق:[مىسال:] ھەر ھالدا، دېدى ئۇ گەپ قىستۇرۇپ، شامالغا قاراپ سورۇغىنىمىز تۈزۈك.

شامالغا قاراپ ئىش تۇتماق

  • شامالغا قاراپ ئىش تۇتماق[يەشمىسى:] «شامالغا ئەگەشمەك»كە قاراڭ.

شامالغا كەتمەك

  • شامالغا كەتمەك[يەشمىسى:] ئورۇنسىز تۈگىمەك:[مىسال:] ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ كېتەي دېسە، ئولتۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئېچىلمىغان بولۇپ پۈتۈن مۇشەققىتى شامالغا كېتەتتى.

شامال كىرمەسلىك

  • شامال كىرمەسلىك[يەشمىسى:] مۇستەھكەم؛ ئىشەنچلىك:[مىسال:] بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا شامال كىرمەيدۇ.

شامىلىغا كەتمەك

  • شامىلىغا كەتمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى قىزغىن پەيتىگە توغرا كېلىپ، شۇنىڭ تەسىرى بىلەن زىيان تارتماق؛ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىمقى «چوڭ تازىلاش»نىڭ شامىلىغا كەتكەنلەرنىڭ بىرى ئىدى.

شامالداتماق

  • شامالداتماق[يەشمىسى:] «شامالدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گۇندىخانىدا مەھبۇسلارنى شامالدىتىشقا ئېلىپ چىقىدىغان بىر رەسمىيەت بار ئىدى.

شامالداشماق

  • شامالداشماق[يەشمىسى:] «شامالدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شامالدۇرغۇچ

  • شامالدۇرغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېلېكتر دۋىگاتېلى ئارقىلىق پالاقچىلارنى ئايلاندۇرۇپ، ھاۋا ئېقىمىنى پەيدا قىلىدىغان بىر خىل قۇرۇلما. تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۆي ئىچىنى سالقىنلىتىش، شامال چىقىرىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، كېرەكسىز گازلارنى چىقىرىپ تاشلاش، ئىس-تۇتەك سۈمۈرۈش ۋە قۇرۇتۇش قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ شەكلىمۇ ھەر خىل بولىدۇ.

شامالدىتىلماق

  • شامالدىتىلماق[يەشمىسى:] «شالمالداتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈزۈملەرنى باغلايدىغان پىچان قايناق سۇغا سېلىپ يۇمشىتىلىدۇ ۋە ئارقىدىن شامالدىتىلىدۇ.

شامالدىماق

  • شامالدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆزىنى شامالغا تۇتماق، شامال چىقىۋاتقان يەردە تۇرماق:[مىسال:] يۈرۈڭا شامالداپ كىرەيلى، ئۇ دېدى مەندىن تارتىنىۋاتقاندەك بىر خىل تۈستە پەس ئاۋاز بىلەن.[يەشمىسى:] ② شامال تەگكەنلىك تۈپەيلىدىن بىرەر ئەزاسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنمەك:[مىسال:] ئۆپكىسى شامالداپتۇ، دېدى ئايۇپ شۇجىگە مەنىلىك تىكىلىپ، جىددىي داۋالىمىغاندا...

شاماللىق

  • شاماللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شامىلى بار، شامال چىقىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] يولۇچىلار ئۆيلىرىدىن چىقىشىپ، سالقىن شاماللىق جايلارنى ئىزدىشىپ يۈرەتتى.

شامان

  • شامان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] شامان دىنىدىكى روھلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان ھەمدە روھلارنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى توسىدىغان شەخس دەپ قارىلىدىغان كىشى، روھانىي.

شامان دىنى

  • شامان دىنى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي دىنلاردىن بىرى. ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا تارقالغان. بۇ دىننىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى يامان روھلارنىڭ ئەسكىلىكلىرىنى قايتۇرۇش ۋە ياخشى روھلارنىڭ ياخشىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيا ياخشى ۋە يامان روھلار بىلەن تولغان، شامان دەپ ئاتالغان روھانىيلار ۋاسىتىسى بىلەن يامان روھلار قوغلىنىپ، ياخشى روھلارنىڭ ياخشىلىقلىرى داۋام قىلدۇرۇلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

شامانىزم

  • شامانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] «شامان دىنى»غا قاراڭ.

شامپان

  • شامپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① فرانسىيىدىكى بىر جاي ئىسمى. بۇ جاي شامپان ھارىقى چىقىرىش بىلەن داڭ چىقارغان (champagne). [يەشمىسى:] ② شامپان ھارىقى.

شامچى

  • شامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شام ياسايدىغان ئادەم:[مىسال:] ئۇ كۈنلەردە بۇ بوۋاي داڭقى بار شامچى ئىدى.

شامچىلىق

  • شامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شام ياساش، شام سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] بۇ مەھەللىدە شامچىلىق قىلىدىغانلاردىن تۆت-بەشى بار ئىدى.

شامدار

  • شامدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوجايىنلىرى ياكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر ئالدىدا شام كۆتۈرۈپ ماڭغۇچى؛ چىراغچى.

شامدان

  • شامدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] شام قادايدىغان نەرسە.

شاملىق

  • شاملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شامى بار، شام قادالغان، شام ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] مەن ئەسلىدە ھەممە پانۇسنى ئېلىپ قالاي دېۋىدىم، سىلەرنى ئازابقا قالارمىكىن دەپ 81 شاملىق گۈللۈك پانۇسنىلا ئېلىپ قالىدىغان بولدۇم، دەپتۇ ئۇ سىلىق ئاۋازدا.

شامۇسەھەر

  • شامۇسەھەر[يەشمىسى:] ① شام ۋە سەھەر، ئاخشام ۋە ئەتىگەن:[مىسال:] ئارىلاپ چالسام ئوشاقنى، مۇقامنى راكقا يەتكۈزسەم، كى ئول شامۇسەھەرلەردە مۇشاۋىرەكنى مەن چالسام.[يەشمىسى:] ② ھەر دائىم، داۋاملىق، ھەمىشە:[مىسال:] ئىزلىبان كەلگۈسى بەختىڭ ۋەسلىنى شامۇسەھەر، پەن، ھۈنەرۇ كەشپىياتتا خۇددى زور كاندۇر ھايات.

شامىلىق

  • شامىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۆگۈن، چەينەك قاتارلىقلارنىڭ چاي قويغان چاغدا چاينىڭ شامىسى چىنىگە چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئورنىتىلغان ياكى ئايرىم ياسالغان سۈزگۈچ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شامىسى بار، شامىسى كۆپ:[مىسال:] نېمانداق شامىلىق چاي بۇ، چاي ئىچەمدىمىز، شاما چاينامدىمىز-بۇرۇتلۇق يىگىت ئاشپەز تەرەپكە قاراپ ۋارقىرىدى.

شان

  • شان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ياخشى ئىشلار بىلەن ئېرىشكەن ھۆرمەت، شەرەپ، ئابرۇي، شەۋكەت؛ نام، داڭق، شۆھرەت:[مىسال:] بارار دولقۇن يېرىپ ئۆرلەپ بۈيۈك ئارزۇدا ھەمراھىڭ، كېلەمدۇ شان يەنە قولغا، يېرىم يولدا ھېرىپ قالساڭ.

شانا

  • شانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆز توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئۆرۈش يىپلىرىنى كۆتۈرۈپ-چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان قىسمى:[مىسال:] بۆزنى بۇزغان شانىسى، قىزنى بۇزغان ئانىسى (ماقال).

شان-شەرەپ

  • شان-شەرەپ[يەشمىسى:] شان ۋە شەرەپ، پەخىر ۋە ئىپتىخار، ئاتاق-ئابرۇي:[مىسال:] ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك بولۇش — پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، شان-شەرىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش.

شان-شەۋكەت

  • شان-شەۋكەت[يەشمىسى:] شان ۋە شەۋكەت، شان ۋە شۆھرەت:[مىسال:] ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ شان-شەۋكىتى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

شان-شۆھرەت

  • شان-شۆھرەت[يەشمىسى:] شان ۋە شۆھرەت:[مىسال:] ئېيت ناخشاڭنى يەنىمۇ ياڭراق، ۋەتىنىڭگە ياغسۇن شان-شۆھرەت. ھايات چەكلىك ۋە لېكىن ناخشاڭ، مۇقام كەبى ياشايدۇ ئەبەد.

شانكىر

  • شانكىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل جىنسىي كېسەللىك. قاتتىق شانكىر ۋە يۇمشاق شانكىر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. قاتتىق شانكىر سىفلىسنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭدا جىنسىي ئەزا، تىل ۋە لەۋ قاتارلىقلاردا جاراھەت پەيدا بولىدۇ ھەمدە كېسەل ئوچىقىنىڭ ئاستى قىسمى قاتتىقلىشىدۇ، ئاغرىتمايدۇ. يۇمشاق شانكىرنى يۇمشاق شانكىر تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا جىنسىي ئەزانىڭ سىرتقى قىسمىدا جاراھەت پەيدا بولۇپ، كېسەل ئوچىقىنىڭ ئەتراپ توقۇلمىلىرى يۇمشاقلىشىدۇ ۋە قاتتىق ئاغرىيدۇ.

شانلىق

  • شانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شان شۆھرەتكە ئىگە، ياخشىنام چىقارغان، داڭلىق، مەشھۇر:[مىسال:] ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا شانلىق خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمانلار مەڭگۈ ھايات

شانۇشەۋكەت

  • شانۇشەۋكەت[يەشمىسى:] «شان-شەۋكەت»كە قاراڭ:[مىسال:] شانۇشەۋكەت، تاجۇتەخت دىيارىمدىن ئايرىلدىم، شادلىقىمدىن، بەختىمدىن، گۈل يارىمدىن ئايرىلدىم.

شاھ (شاھى)

  • شاھ (شاھى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پادىشاھلىق تۈزۈم يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى شەخس، پادىشاھ، خان. [يەشمىسى:] ② شاھمات ئويۇنىدا ئەڭ ئاساسىي، باشقا ئۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى قوغدايدىغان ئۇرۇق، باشقا ئۇرۇقلارغا قارىغاندا ئېگىزرەك بولىدۇ. [يەشمىسى:] ③ شاھمات ئويۇنىدا قارشى تەرەپنىڭ شاھىغا قىلىنغان ھۇجۇم؛ زەربە:[مىسال:] ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتە ئۆتمەيلا ئالىم بىرلا شاھ بېرىپ ئۇنىڭ گەردىسىنى ئېلىۋەتكەنىدى.

شاھادەت

  • شاھادەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① گۇۋاھلىق، شاھىتلىق؛ گۇۋاھلىق سۆزى:[مىسال:] ئىمام دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، كېكىردەكلىرىنى قىرىشتۇرۇپ جامائەتكە شاھادەت ئۆگەتتى.[يەشمىسى:] ② شېھىت، قۇربان:[مىسال:] قىلىپ دۈشمەن بىلەن جەڭ بۇ ناھايەت، دۆۋە قۇملۇقتا تاپقاندۇر شاھادەت.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

شاھادەتنامە

  • شاھادەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر بىلىم ئېلىش ئورنىدا ئوقۇپ، ئوقۇشنى لاياقەتلىك تاماملىغانلارغا بېرىلىدىغان رەسمىي گۇۋاھلىق ھۆججىتى؛ گۇۋاھنامە، دىپلوم. [يەشمىسى:] ② بىرەر پاكىتنى رەسمىي تەستىقلايدىغان ھۆججەت، گۇۋاھنامە:[مىسال:] شاھادەتنامە بەرمەك.

شاھانە

  • شاھانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پادىشاھلارغا خاس، پادىشاھلاردا بولىدىغان، ئالىي دەرىجىدىكى، ئاجايىپ ئېسىل؛ كۆركەم، ھەيۋەتلىك:[مىسال:] شاھانە كىيىم. شاھانە توي.

شاھزادە

  • شاھزادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شاھنىڭ ئوغلى.

شاھزادىلىك

  • شاھزادىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاھزادىلەرگە خاس، شاھزادىلەر كىيىدىغان:[مىسال:] بەگزادىلەر قۇرۇق قايتماقچى بولۇۋاتقاندا، پادىچى شاھزادىلىك كىيىملىرىنى كىيىپ، يولۋاس، بۆرىلەرنى ئەگەشتۈرگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.

شاھلىق

  • شاھلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئەڭ ئالىي ئەمەل؛ پادىشاھلىق:[مىسال:] شاھلىق قىلماق. * شاھلىق ماڭا ئاتا مىراس تۇرسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسەن دەپتۇ پادىشاھ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاھلارغا خاس، پەقەت شاھلارغىلا لايىق:[مىسال:] ئارمانۇس شاھ ئوردىسىغا ھازىر بولغانلارغا ئۆزىنىڭ شاھلىق ۋەزىپىسىدىن چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپتۇ.

شاھمات

  • شاھمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرى. بۇنىڭدا، ھەر ئىككى تەرەپتە ئاق-قارا بولۇپ 16 دىن ئۇرۇق بولۇپ، ئوينالغاندا قائىدە بويىچە ئۇرۇقلارنى ماڭىدۇ. قارشى تەرەپنى مات قىلغان كىشى غەلىبە قىلغان بولىدۇ:[مىسال:] شاھمات تاختىسى. شاھمات ئوينىماق.

شاھماتچى

  • شاھماتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاھمات ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان، شاھمات ئوينايدىغان كىشى:[مىسال:] قورۇنىڭ بىر بۇلۇڭىدا شاھماتچىلار شاھمات ئويناشماقتا ئىدى.

شاھنامە

  • شاھنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① شاھلار ھەققىدىكى خاتىرە، شاھلار تارىخى. [يەشمىسى:] ② ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسىنىڭ قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ تارىخىغا بېغىشلاپ يېزىلغان داستانىنىڭ نامى.

شاھىئەزەم

  • شاھىئەزەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كاتتا، ھۆرمەتكە سازاۋەر، نام-ئاتاقلىق پادىشاھ.

شاھىت

  • شاھىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئەھۋالغا (ۋەقە، ئىش-ھەرىكەت ياكى پائالىيەتكە) بىۋاسىتە قاتناشقان، كۆرگەن ئادەم؛ گۇۋاھ:[مىسال:] شاھىت بولماق. * مەنمۇ نۇرغۇن پاجىئەلىك ئىشلارنىڭ شاھىتلىرىنىڭ بىرى.

شاھىتلىق

  • شاھىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇۋاھلىق:[مىسال:] مەن بۇنىڭغا ئىمانىم بىلەن شاھىتلىق بېرىمەن.

شاھىنشاھ

  • شاھىنشاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىران شاھىنىڭ ئۇنۋانى ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان شەخس. [يەشمىسى:] ② شۇنداق كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر، نام-ئاتاقلىق پادىشاھ:[مىسال:] پادىشاھ توققۇز تەزىم قىلىپ:[مىسال:] شەھرىمىزنىڭ بىر قىزىغا شاھىنشاھنىڭ نەزىرى چۈشكەن بولسا، بېشىمىزغا ئامەت قۇشى قونۇپتۇ. قىز ئايلانسۇن دەپتۇ.

شاۋجياڭ

  • شاۋجياڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى گېنېراللار ئىچىدىكى بىر دەرىجە، جۇڭجياڭدىن تۆۋەن تۇرىدۇ.

شاۋرۇن

  • شاۋرۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۆچكە تېرىسىدىن ئىشلەنگەن بىر خىل يۇمشاق خۇرۇم.

شاۋ-شۇۋ

  • شاۋ-شۇۋ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] خىلمۇخىل ئاۋازلاردىن چىققان ۋاراڭ-چۇرۇڭ:[مىسال:] ياتاقتىكى سەپداشلار سىرتتىكى شاۋ-شۇۋلارنى ئېنىق ئاڭلاپ ئولتۇردى.

شاۋشياۋ

  • شاۋشياۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى شاۋگۇەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجە.

شاۋقۇن

  • شاۋقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك نەرسىلەردىن چىققان ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن پەيدا بولۇپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ كەتكەن كۈچلۈك ئاۋاز؛ ۋاڭ-چۇڭ:[مىسال:] شاۋقۇن سالماق.[يەشمىسى:] ② جىددىي تالاش-تارتىش، جاڭجال، شاۋقۇن-سۈرەن:[مىسال:] مۇنچە شاۋقۇن بىزدە بولۇپ باقمىغان، قاراڭ.

شاۋقۇن-سۈرەن

  • شاۋقۇن-سۈرەن[يەشمىسى:] ① كۈچلۈك شاۋقۇن، يۇقىرى ئاۋازلىق ۋاراڭ-چۇرۇڭ، قالايمىقان ۋارقىراپ-جارقىراشلار:[مىسال:] تاھىر ئاكىنىڭ تەمبۇر ئاۋازى بالىلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەن، ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى بېسىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈلسىز ۋاراڭ-چۇرۇڭ، جەڭگە-جېدەل، ئۇرۇش-تالاش:[مىسال:] شاۋقۇن-سۈرەنلەرگە تولغان قۇيۇندەك چاڭ-توزانلارنى توزۇتۇپ ئۆتۈپ كەتتى.

شاۋقۇنسىز

  • شاۋقۇنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاۋقۇنى، ۋاراڭ-چۇرۇڭى يوق، ۋارقىراش-جارقىراش بولمىغان:[مىسال:] تاڭ سەھەردىكى شاۋقۇنسىز يېزا قوينىدىن نەي ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ∥ مەكتەپ ئىچى شاۋقۇنسىز بولۇپ، بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى.

شاۋقۇنلاتماق

  • شاۋقۇنلاتماق[يەشمىسى:] «شاۋقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بوران لىغىلداپ تىپتىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنى شاۋقۇنلىتىپ، دولقۇنلارنى ھاسىل قىلىشقا باشلىدى.

شاۋقۇنلانماق

  • شاۋقۇنلانماق[يەشمىسى:] «شاۋقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى تاغدىن شاۋقۇنلىنىپ چۈشۈۋاتقان دەريا سۈيى تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ ئاقاتتى.

شاۋقۇنلۇق

  • شاۋقۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاۋقۇنى بار، شاۋ-شۇۋ ئاۋازلار بىلەن تولغان، ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان؛ قاينام-تاشقىنلىق:[مىسال:] مۇشۇ قىيانىڭ جەنۇبىدىن شاۋقۇنلۇق مۇزات دەرياسى ئۆتىدۇ.

شاۋقۇنلىماق

  • شاۋقۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شاۋقۇن پەيدا بولماق، شاۋقۇن كۆتۈرۈلمەك، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماق:[مىسال:] شاۋقۇنلاپ تۇرغان مەيدان بىردىنلا سۈكۈتكە چۆكتى، ھەممىنىڭ كۆزى يېڭى باشلىققا چۈشتى.

شاۋۋېي

  • شاۋۋېي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ئىچىدىكى بىر دەرىجە. ئادەتتە جۇڭۋېيدىن تۆۋەن تۇرىدۇ.

شائىر

  • شائىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىرىي ئەسەر يازىدىغان كىشى:[مىسال:] خەلق شائىرى.

شائىرانە

  • شائىرانە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شائىرلارغا خاس ئىلھام ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، شائىرلارچە:[مىسال:] شائىرانە سۆزلىمەك. شائىرانە ئوقۇماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شائىرلارغا خاس، شائىرلار ئويلىغاندەك گۈزەل ۋە جەزبىلىك:[مىسال:] شائىرانە سۆز. شائىرانە تۇيغۇ. شائىرانە ھېسسىيات.

شائىرە

  • شائىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىرىي ئەسەر يازغۇچى ئايال، ئايال شائىر.

شائىرلارچە

  • شائىرلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شائىرلارغا ئوخشاش، شائىرلاردەك:[مىسال:] ئۇ بارغانچە قىزىپ شائىرلارچە سۆزلەشكە باشلىدى.

شائىرلىق

  • شائىرلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شېئىر يېزىش ئىشى، شېئىر يېزىش كەسپى:[مىسال:] شائىرلىقنىڭ تۈپ ماھىيىتى — ئاجىزلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ روھىنى كۆتۈرۈش، ئۇنىڭ تەبىئىتى — خۇشامەتتىن خالىي بولۇش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۆزمەنلىك، سۆزگە ئۇستىلىق:[مىسال:] قەيەرگىلا بارسا شائىرلىق قىلىپ، باشقىلارغا سۆز بەرمەي سۆزلەۋېرىش ياخشى ئەمەس، ئەقىللىق ئادەم ئاز سۆزلەيدۇ، دېدى ئۇ ئەلانى ئەيىبلەپ.

شاياتۇن

  • شاياتۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شەيتان، جىن-شەيتان، ئالۋاستى:[مىسال:] شاياتۇنلار سالدى باشقا كۈرمىڭ بالانى، ئۆتتى كۆڭۈل جاراھىتى تاپماي داۋانى.

شاياردى

  • شاياردى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] داۋراڭچى، پوچى.

شايان

  • شايان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاشكارا، مەلۇم، ئايان:[مىسال:] خەلقنىڭ بەختىنى تەمىن ئېتىشنى كۆزدە تۇتقانسەن، خۇسۇسىي مەنپەئەتنىئەۋۋەلۇ ئاخىر ئۇنتۇغانسەن، ئېزىلگەن بارچە ئەللەرگە ھوقۇقىنى تونۇتقانسەن، شەرەپلىك بۇ مۇقەددەس يول پۈتۈن دۇنياغا شاياندۇر.

شايەت

  • شايەت[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەگەر، مۇبادا (ئېھتىماللىق دەرىجىسىنىڭ ئەڭ ئاز، كىچىك بولۇشى ھەققىدە):[مىسال:] بەختتە ئەسلىسە غۇربەتنى ئادەم، تاپۇر ئىقبالىنى غۇربەتتە ئۇ غەم. بۇ داستاندۇر مۇراد شۇلدۇر ناھايەت، ئايان بولسا شۇ مەقسەت ئەلگە شايەت.

شايبا

  • شايبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] بۇرما ئاستىغا قويۇلىدىغان نېپىز مېتال ھالقا.

شايكا

  • شايكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ياۋۇزلۇق قىلىش نېيىتىدە تىل بىرىكتۈرگەن ۋە ياۋۇزلۇققىلىدىغان ئادەملەر توپى، يامان مەقسەتلىك ئادەملەردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇھ؛ قارا تەشكىلات:[مىسال:] شايكا قۇرماق.[يەشمىسى:] ② ياۋۇزلۇق نېيىتىدىكى كىشىلەرنىڭ شېرىكى، قارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەزاسى:[مىسال:] شايكا توپلىماق.

شايلىماق

  • شايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خۇش قىلماق.

شايى

  • شايى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يىپەكتىن توقۇلغان رەخت:[مىسال:] شايى رومال. شايى كۆڭلەك.

شايى-ئەتلەس

  • شايى-ئەتلەس[يەشمىسى:] شايى ۋە ئەتلەس قاتارلىق يىپەكتىن توقۇلغان ئالىي دەرىجىلىك رەختلەر.

شايىپەتتا

  • شايىپەتتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شايى+پەتتا[[يەشمىسى:] سۇلۇق قىلىپ قورۇلغان سەي، قورداق، سۇيۇق چېلىنغان ئۇماچ، سۇيۇقئاش قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە ئۇششاق توغرالغان ناننى سېلىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل تاماق؛ نانچۆپ:[مىسال:] داڭقاندا ئەتكەن شايىپەتتانى ئۇسۇشقا بىرنەرسە تاپالماي ئاخىرى ھېلىقى يوبدان يۇقى قاچىنى پۈۋلىۋېتىپلا ئۇنىڭغا ئۇسۇپ ئىچتى.

شايىپۈتۈك

  • شايىپۈتۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شايى+پۈتۈك[[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندا يىپەك رەختلەر ئۈستىگە پۈتۈلگەن تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئەسەر ياكى خەت-چەكلەر.

شايىچى

  • شايىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شايى توقۇيدىغان ئادەم، شايى توقۇغۇچى:[مىسال:] ۋىلايىتىمىزدىكى شايىچىلارنىڭ توقۇغان شايىلىرى چەت ئەللىك دوستلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ∥ شايىچى قىزلار.

شەب

  • شەب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كېچە، كەچ، تۈن:[مىسال:] نىسىپىي شەب.

شەبان

  • شەبان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھىجرىيىنىڭ سەككىزىنچى ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى سەكككىزىنچى ئاي. ئۇ 29 كۈن بولىدۇ.

شەببادە

  • شەببادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مەيىن، سالقىن شامال:[مىسال:] رويالنىڭ مۇڭلۇق ساداسى ئۇنىڭ خىيالىنى باھار شەببادىسىغا چۆمگەن ۋەتىنىگە ئېلىپ كەتتى.

شەبنەم

  • شەبنەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر يۈزى ياكى يەر يۈزىگە يېقىن تۇرغان جىسىملار ئۈستىدە پەيدا بولىدىغان سۇ تامچىلىرى.

شەبنەملىك

  • شەبنەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەبنەم چۈشكەن؛ شەبنەم قونغان:[مىسال:] ئەكەلگىن شەپەقنى مەي قىلىپ دىلدار، شەبنەملىك دالىنىڭ غۇنچىسىنى جام. جاپالىق ئەمگەكتىن چارچىغان جانغا، گۈزەللىك يالقۇنى بېرىدۇ ئارام.

شەبىستان

  • شەبىستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① كەچكى قونالغۇ، كېچىدە ئارام ئالىدىغان ئورۇن:[مىسال:] كۈچ، ئەقىل، ئىرادە، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ، جىمىكى بايلىقنىڭ پۈتمەس كانى بۇ، ئاۋايلا، ئۇيقۇغا بەرمىگىن مالال، مەرھۇمنىڭ زەرەپشان شەبىستانى بۇ.[يەشمىسى:] ② قاراڭغۇ جاي.

شەپە

  • شەپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىۋىش، پەس ئاۋاز:[مىسال:] شەپە چىقارماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەلگە، ئالامەت؛ ئىما، ئىشارەت، بېشارەت؛ ئالدىن مەلۇمات، سىگنال:[مىسال:] شەپە بەرمەك.

شەپەرەڭ

  • شەپەرەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بېشى بىلەن گەۋدىسى چاشقانغا ئوخشاپ كېتىدۇ، تۆت پۇتى بىلەن قۇيرۇقى ئارىسىدا تېرە پەردىسى بولىدۇ، كېچىسى ئۇچىدۇ. پاشا، پەرۋانە قاتارلىق ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى بەكلا ئاجىز بولۇپ، ئۆزى چىقىرىدىغان ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىغا تايىنىپ ئۇچىدۇ.

شەپەق

  • شەپەق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش نۇرىنىڭ يانتۇ چۈشۈشى ۋە ھاۋانىڭ تارقىلىش تەسىرى تۈپەيلىدىن ئاسمان بوشلۇقى ھەم بۇلۇت قاتلاملىرى سېرىق، قىزىل ۋە قىزغۇچ رەڭلەردە كۆرۈنىدىغان بىر خىل ھادىسە، يەنى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ئالدىدا ئۇپۇقتا پەيدا بولىدىغان قىزىللىق.

شەپشەك

  • شەپشەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاللاق، تەنتەك، بەڭۋاش، شاش:[مىسال:] شەپشەك قىز.

شەپشەكلىك

  • شەپشەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەپشەك، شاللاق قىلىق؛ شاللاقلىق، بەڭۋاشلىق، تەنتەكلىك؛ شاشلىق:[مىسال:] ھەقىقەتەن ئۇ قىزنىڭ شەپشەكلىك قىلىپ ئىشنى بۇزۇپ قويۇش ئېھتىمالى بار ئىدى.

شەپقەت

  • شەپقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىچ ئاغرىتىپ رەھىم قىلىش، ئاياش؛ رەھىمدىللىك، مېھرىبانلىق؛ رەھىم:[مىسال:] شەپقەت قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

شەپقەتچى

  • شەپقەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچ ئاغرىتىپ ياردەم قىلغۇچى، مېھرىبانلىق قىلغۇچى، ياخشىلىق قىلغۇچى:[مىسال:] خەتەردىن قۇتۇلغان ئايال شەپقەتچىسىگە بېشىنى كۆتۈرۈپ تەبەسسۇم بىلەن قارىدى.

شەپقەتسىز

  • شەپقەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېھىر-شەپقەتنى بىلمەيدىغان، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلمايدىغان، رەھىمسىز؛ ۋەھشىي:[مىسال:] شەپقەتسىز ئادەم.

شەپقەتسىزلىك

  • شەپقەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەپقەت قىلمايدىغان، كۆيۈنمەيدىغان ھالەت، خۇسۇسىيەت؛ كۆيۈمسىزلىك:[مىسال:] شەپقەتسىزلىك قىلماق.

شەپقەتلىك

  • شەپقەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىراۋغا ئىچ ئاغرىتىپ ياخشىلىق قىلىدىغان، مېھىر-شەپقەت قىلىدىغان؛ مېھرىبان، رەھىمدىل:[مىسال:] پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن كۆيۈنگەن بۇ شەپقەتلىك كېنىزەككە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنىڭ جەريانىنى تولۇق سۆزلەپ بېرىپتۇ.

شەپكە

  • شەپكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئالدى تەرىپىدە سايىۋىنى — چېكىلىكى بولغان بىر خىل باش كىيىمى.

شەپكىچى

  • شەپكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەپكە تىكىپ ساتىدىغان ئادەم:[مىسال:] نۇرىدىن ھەقىقەتەن ئۇستا شەپكىچى ئىدى.

شەپكىچىلىك

  • شەپكىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەپكە تىكىش ئىشى، شەپكە سېتىش كەسپى:[مىسال:] ئۇ بىرمەزگىل بازاردا شەپكىچىلىك قىلىپمۇ كۆردى، يەنىلا كۆنەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن قەدىرلىك ئايالىنى ئىزدىدى.

شەپكىسىز

  • شەپكىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەپكىسى يوق، شەپكە كىيمىگەن:[مىسال:] شەپكىسىز ئادەم.

شەپكىلىك

  • شەپكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شەپكىسى بار، شەپكە كىيگەن:[مىسال:] شەپكىلىك ئادەم.[يەشمىسى:] ② شەپكە تىكىشكە لايىق، مەلۇم ساندىكى شەپكىگە يېتىدىغان:[مىسال:] شەپكىلىك سارجا. شەپكىلىك رەخت.

شەپىسىز

  • شەپىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۈن-تىۋىشسىز، ئاۋازسىز:[مىسال:] ئۇ شەپىسىز قەدەملەر بىلەن كارىدور ئارقىلىق ئىشىككە باردى.[يەشمىسى:] ② بەلگە ياكى ئالامەتسىز، سىگنالسىز:[مىسال:] ئابدۇللا داموللىنىڭ ھەرىكىتى سىرلىق ھەم شەپىسىز ئىدى.

شەتلەڭگە

  • شەتلەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] پاختا يىپتىن ياكى ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا يۇڭ، يىپەك يىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ ۋە رەڭدار كاتەكچىلەر چىقىرىلىپ توقۇلغان رەخت.

شەجەرە

  • شەجەرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر ئۇرۇق ئەۋلادلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق دەرىجىسىنى رېتى بويىچە ئىزچىل يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگۈچى رويخەت، تارىخ؛ نەسەبنامە:[مىسال:] كۆكەنىڭ قەھرىمان ئوفىتسېر بولۇپ يېتىلىشىمۇ ئۇنىىڭ شەجەرىسىدىن مىراس بولۇپ قالغان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىش سىستېمىسى ياكى مەلۇم بىر ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋلادلىرىغا ئائىت خاتىرىلەر.

شەخس

  • شەخس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشى، ئادەم:[مىسال:] ناتونۇش شەخس.[يەشمىسى:] ② مەلۇم جەھەتتە تىپىك خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدىغان ياكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگەبولغان كىشى:[مىسال:] تارىخىي شەخس. شەخسكە چوقۇنۇش.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىسىم، ئالماش ۋە پېئىللاردا كۆرۈلىدىغان ھەمدە شۇ خىل سۆز تۈركۈمىدىكى سۆزلەرنىڭ مەلۇم تۈرلەنگەن شەكلى ئارقىلىق شۇ سۆز ئىپادىلىگەن شەيئى ۋە ئشى-ھەرىكەتنىڭ سۆزلەنگۈچى، ئاڭلىغۇچى ۋە سۆزلىگۈچىلەردن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ قايسى بىرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن گرامماتىكىلىق فورما. ئادەتتە ئۇ بىرىنچى شەخس، ئىككىنچى شەخس ۋە ئۈچىنچى شەخس دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ.

شەخسەن

  • شەخسەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەربىر شەخسنىڭ مەخسۇس ئۆزى (ئۆزۈم، ئۆزۈڭ، ئۆزى ۋە شۇ قاتارلىقلار):[مىسال:] مېھماننىڭ ھالىدىن ۋاقتىدا خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش لازىم ئىدى، ئەمما شەخسەن مەن ئۇنداق قىلالمىدىم.

شەخسىي

  • شەخسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە تەۋە، ئۆزىگە تېگىشلىك، ئۆزى پايدىلىنىدىغان؛ خۇسۇسىي، ئىندىۋىدۇئال:[مىسال:] شەخسىي چارۋا. شەخسىي مۈلۈك. شەخسىي خاراكتېر.

شەخسىيەت

  • شەخسىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قەدىر-قىممىتىنى سېزىش تۇيغۇسى، ئۆزىنى ۋە ئۆز ھۈرمىتىنى بىلىش ھېسسى، غۇرۇر، ۋىجدان:[مىسال:] شەخسىيىتىگە تەگمەك.[يەشمىسى:] ② شەخسىي مەنپەئەت:[مىسال:] بۇ ئەل-يۇرتنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى، بەختى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىق شەخسىيىتىنى قۇربان قىلىپ شىجائەت كەمىرىنى مەھكەم باغلىغان بىر پىداكار ئايال بولسا كېرەك.

شەخسىيەتچى

  • شەخسىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز قەدىر-قىممىتىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قويىدىغان، شەخسىي-مەنپەئىتىنى ئويلاپ ئىش تۇتىدىغان كىشى:[مىسال:] كىشى ھەققىگە ھېچ چاغدا قارا سانىماڭلار، شەخسىيەتچى، ئابرويپەرەس بولماڭلار. ∥ نىياز ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان شەخسىيەتچى ئادەم ئىدى.

شەخسىيەتچىل

  • شەخسىيەتچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەخسىيەتچىلەرگە خاس؛ شەخسىيەتچىگە مايىل، شەخسىيەتچىلىكنى قوللايدىغان:[مىسال:] كونا جەمئىيەتتىن قالغان «ئادەم ئۆزى ئۈچۈن قايغۇرمىسا، ئاسمانمۇ، يەرمۇ راۋا كۆرمەيدۇ» دەيدىغان ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ شەخسىيەتچىل ئەخلاق كۆز قارىشى ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ روھىنى چىرىتىدۇ.

شەخسىيەتچىلىك

  • شەخسىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ھەممىدە شەخسنى ئاساس قىلىدىغان، شەخسىي مەنپەئىتىنى كوللېكتىپ مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان ۋە ئۆزى بىلەنلا بولۇپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان بىر خىل خاتا ئىدىيە:[مىسال:] شەخسىيەتچىلىك قىلماق.

شەخسىيەتسىز

  • شەخسىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەخسىي ئاتاق-ئابروي ۋە شەخسىي مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمايدىغان:[مىسال:] سوتسىيالىستىك دەۋرىمىزدە قاۋۇلغا ئوخشاش شەخسىيەتسىز، نامسىز قەھرىمانلار مىڭلاپ-مىڭلاپ مەيدانغا كەلدى ھەم كەلمەكتە.

شەددات

  • شەددات[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندا يەمەن ۋىلايىتىدىكى ئاد قوۋمىنىڭ بىر پادىشاھى. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ بىر باغ ياساپ، ئۇنى جەننەت دەپ ئاتىغانمىش ھەم خۇدا بىلەن خۇدالىق تالاشقانمىش، قول ئاستىدىكى پۇقرالارنى ئۆزىنى خۇدا دەپ ئېتىقاد قىلىشقا زورلىغانمىش:[مىسال:] «تەۋرات»تا: «شەددات ياسىغان باغى ئېرەمدە (ئۆلمەسلىك ئالمىسى) ناملىق بىر مېۋە بار» دېگەن رىۋايەت يېزىلغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شەپقەتسىز، زالىم؛ جاھىل، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان:[مىسال:] قۇرداش دېگەن شۇنداق شەددات بولارمۇ ئۇ كىشىنىڭ كۆزلىرىنى ئويارمۇ

شەددە

  • شەددە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] مەسچىتلەرنىڭ پەشتاقلىرى ئۈستىگە مېھرابچە شەكلىدە قويۇلغان خىش.

شەددىئەلەم

  • شەددىئەلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شەددە+ئەلەم[[يەشمىسى:] چۆرىسىگە چىشسىمان پۆپۈكچە چىقىرىلغان كىچىك بايراقچە:[مىسال:] بولسۇن خادام — مۈلكۈم قەلەم، ئاسماڭ ئاڭا شەددىئەلەم، يىللار سېرى روھىم تېپىڭ، يۇرتۇم خوتەننى ئاختۇرۇپ.

شەرەپ

  • شەرەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان نەرسە ياكى ئىش؛ پەخىر، ئىپتىخار:[مىسال:] شەرەپ تاپماق. شەرەپ تاختىسى.[يەشمىسى:] ② ياخشى ئىش تۈپەيلىدىن خەلق ئارىسىدا ئېرىشكەن نام، ھۆرمەت، داڭق، ياخشى ئاتاق:[مىسال:] يېقىندا 28 ياشلىق بىر ياش ئىنژېنېرلىق شەرىپىگە ئېرىشتى.

شەرەپ-شان

  • شەرەپ-شان[يەشمىسى:] «شان-شەرەپ»كە قاراڭ:[مىسال:] بۇ جاھان مېھنەت جاھانى مېھنىتىڭ ئۆلمەس ئەبەد، مېھنىتىڭ بىرلە تاپارسەن زور شەرەپ-شان ئاقىۋەت.

شەرەپلىك

  • شەرەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالقىشلاشقا، مەدھىيىگە ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر؛ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان:[مىسال:] شەرەپلىك نام. شەرەپلىك ۋەزىپە.

شەرەت

  • شەرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەقسەت، نىشان، غەرەزنى سۆزسىز، تىلسىز ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بەلگە؛ ئىما، ئىشارەت:[مىسال:] شەرەت قىلماق.

شەرەتلەشمەك

  • شەرەتلەشمەك[يەشمىسى:] «شەرەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شەرەتلىمەك

  • شەرەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شەرەت ئارقىلىق بىلدۈرمەك، ئىپادىلىمەك، شەرەت قىلماق.

شەربەت

  • شەربەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پىشقان ھۆل مېۋىنىڭ تەركىبىدىكى قەنت ماددىسى، شىرنە؛ مېۋە سۈيى:[مىسال:] 9-ئايدا تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى شەربەتكە تولىدۇ.[يەشمىسى:] ② مېۋىنى مۇۋاپىق نىسبەتتىكى سۇغا سېلىپ قاينىتىشتىن ھاسىل بولغان سۇيۇقلۇق:[مىسال:] ئانار شەربىتى. ئەنجۈر شەربىتى. جىگدە شەربىتى.

شەربەتلىك

  • شەربەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەربىتى بار، تەركىبىدە شەربەت كۆپ، شىرنىلىك؛ شېرىن:[مىسال:] تۇرپاننىڭ شەربەتلىك ئۈزۈملىرىدىن، قويدۇق تاغ سۈيىدە يۇيۇپ لېگەنلەپ.

شەرت

  • شەرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش، مەسىلە ئۈستىدە يازما ياكى ئاغزاكى يوسۇندا تۈزۈلگەن كېلىشىم، توختام؛ ۋەدە، ئەھدە:[مىسال:] ئىككى تەرەپ كېلىشكەن شەرتلەرگە قول قويدى.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا شەرتلىشىۋاتقان ياكى بىرەر مۇناسىۋەتتە بولۇۋاتقان تەرەپلەردىن بىرىنىڭ يەنە بىرىگە قارىتا قويغان تەلىپى، تەكلىپى:[مىسال:] شەرت قويماق.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم ئىش تۈپەيلى بېكىتىلگەن ئۆلچەم ياكى بۇ ئۆلچەم ئاساسىدا ھازىرلاش زۆرۈر بولغان مۇۋاپىق تەرەپلەر:[مىسال:] كۆرسىتىلگەن شەرتلەرگە ئارزۇگۈل تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلەتتى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىل، سەۋەب؛ پايدىلىق شارائىت:[مىسال:] جىرىم تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىش — دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى.[يەشمىسى:] ⑤ كېسىم ۋەزىپىسىدە كېلىپ «زۆرۈر»، «كېرەك»، «لازىم» قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىمىزنى ساقلايمىز دەيدىكەنمىز، مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىمىزمۇ بىزنى ساقلىيالىشى شەرت.

شەرتسىز

  • شەرتسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەرتى يوق، شەرت قويۇلمىغان؛ ئۆلچەم ياكى تەلەپ، بەلگىلىمىسى يوق:[مىسال:] شەرتسىز رېفلېكس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھېچقانداق شەرت، تەلەپ، باھانە كۆرسەتمەستىن؛ گەپ-سۆزسىز ھالدا:[مىسال:] شەرتسىز كۆنمەك.

شەرت-شارائىت

  • شەرت-شارائىت[يەشمىسى:] ① شەرت ۋە شارائىت؛ ۋەزىيەت:[مىسال:] ھەرقانداق ئىشنىڭ ۋاقتى-سائىتى، شەرت-شارائىتى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ياكى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل، سەۋەب:[مىسال:] شەرت-شارائىت ھازىرلىماق.[يەشمىسى:] ③ ئەمەلىي ئەھۋال، ۋەزىيەت، شارائىت:[مىسال:] ئۇ بۇ يەرنىڭ شەرت-شارائىتى بىلەن ئوبدان تونۇشۇپ قالغانىدى.

شەرتلەشمەك

  • شەرتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر ئىش توغرۇلۇق ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلماق، كېلىشمەك؛ ۋەدىلەشمەك:[مىسال:] باشتا بىز ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى سورىماسلىققا شەرتلەشكەنىدۇق.[يەشمىسى:] ② باغلاشماق، تىكىشمەك:[مىسال:] -شەرتلىشەيلى، دەپتۇ مەردان، ئەگەر مېنىڭ سىلىگە بەرگەن جاۋابىم توغرا بولسا، خالىغىنىمنى بېرەملا

شەرتلىك

  • شەرتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شەرتى بار، مەلۇم نەرسە شەرت قىلىنغان:[مىسال:] شەرتلىك بەلگە. * بۇ بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئېغىر شەرتلىك توختام ئىدى.[يەشمىسى:] ② چەكلىك، دائىملىق ئەمەس:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ياشىشى شەرتلىك، يەر يۈزىدە كېلىپ چىقىدىغان پۈتۈن ھادىسىلەرمۇ ھەقىقەت بولماي، بەلكى يالغانغا ئوخشايتتى.

شەرتنامە

  • شەرتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان، سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد ياكى مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت توغرىسىدىكى ھۆججەت، كېلىشىم:[مىسال:] تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە. جۇڭگو-رۇسيە ئىلى شەرتنامىسى.[يەشمىسى:] ② بىرەر مەسىلە يۈزىسىدىن ئۆزئارا كېلىشىلگەن يازما توختام:[مىسال:] شەرتنامىگە قول قويماق.

شەرق

  • شەرق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ بىرى، يەنى غەربنىڭ قارشىسىدىكى، كۈن چىقىدىغان تەرەپ؛ كۈنچىقىش:[مىسال:] شەرق شامىلى.[يەشمىسى:] ② غەربىي ياۋروپاغا نىسبەتەن شەرق تەرەپتىكى مەملىكەتلەر، جايلار:[مىسال:] يېقىن شەرق. يىراق شەرق. ئوتتۇرا شەرق.

شەرقشۇناس

  • شەرقشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] شەرقتىكى مەملىكەتلەرنىڭ تارىخى، تىل-يېزىقى، ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس، ئالىم.

شەرقشۇناسلىق

  • شەرقشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] شەرقتىكى (ئاسىيا، شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى) ھەرقايسى مەملىكەتلەرنىڭ تارىخى، تىل-يېزىقى ۋە ماددىي، مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئورتاق نامى.

شەرقلىق

  • شەرقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەرقتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شەرقتە ئولتۇراقلاشقان ياكى شەرقتە ياشايدىغان، شەرقتە تۇرۇشلۇق كىشى:[مىسال:] ئۇ بولسا شەرقلىق ئىدى.

شەرقىي

  • شەرقىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شەرقتىكى، شەرققە جايلاشقان، شەرقتە تۇرىدىغان:[مىسال:] شەرقىي ئاسىيا. شەرقىي ياۋروپا.

شەرم

  • شەرم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نومۇسلۇق ئىش ۋە ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، خىجىل بولۇش ھېسسى؛ ھايا، نومۇس، ئار:[مىسال:] پۈتۈن دىققەت، كۆزلەر ئىدى ئېكراندا، پەقەت مەنلا كۆيەر ئىدىم ئارماندا، تۈگىگەنتى شەرمىم مېنىڭ شۇ ئاندا، بۇ ئايالنى سۆيۈپ ئالماق بولدۇممەن.

شەرمەندە

  • شەرمەندە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شەرم-ھاياسىنى يوقاتقان، ھاياسىز، نومۇسسىز، رەسۋا:[مىسال:] شەرمەندە بولماق.

شەرمەندىلەرچە

  • شەرمەندىلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شەرمەندىلەرگە خاس ھالدا، شەرمەندە بولغانلارغا ئوخشاش:[مىسال:] تۈنۈگۈن خەلقنىڭ بېشىدا قانلىق قىلىچ ئويناتقان جاللاتلار بۈگۈن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىدا شەرمەندىلەرچە شۈمشىيىپ، تىترىشىپ تۇراتتى.

شەرمەندىلىك

  • شەرمەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەرمەندە ئىش، شەرمەندە قىلىق:[مىسال:] ئانىسىنىڭ شەرمەندىلىكتىن بېشى تۆۋەن چۈشۈپ كېتىپتۇ.

شەرمسار

  • شەرمسار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شەرمەندە، رەسۋا:[مىسال:] بۈگۈن گۇم بولۇپ شەرمسار قاتىلىڭ، كۈلۈپ باقتى قايتا ئادالەت ساڭا.

شەرمسارلىق

  • شەرمسارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەرمسار ئىش، شەرمسار ھەرىكەت:[مىسال:] نەسىھىتىم شۇكى، ئاخشامقى شەرمسارلىقىڭدىن ساۋاق ئال. يامان نىيەتتە بولما.

شەرم-ھايا

  • شەرم-ھايا[يەشمىسى:] شەرم ۋە ھايا، خىجىل بولۇش ياكى ئۇيىلىش ھېسسى:[مىسال:] قارا باستىمۇ تاھارىتىڭگە سۇ بەرگەنىدىم، مېنى يەرلىكىمدە قويۇپ بولمايلا خىيالىڭ ئاغىچا كويىدا بولدى... سەندە شەرم-ھايا يوق... — ئۇ يىغلايتتى.

شەرھ (شەرھى)

  • شەرھ (شەرھى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ مەزمۇنى، ماھىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بايان قىلىپ بېرىش، چۈشەندۈرۈش؛ ئىزاھ، ئىزاھلاش:[مىسال:] ئىبنى رۇشدى قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن ئەپلاتون قاتارلىق پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپىلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنىڭغا شەرھلەر يازغان.

شەرھلەتمەك

  • شەرھلەتمەك[يەشمىسى:] «شەرھلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شەرھلەشمەك

  • شەرھلەشمەك[يەشمىسى:] «شەرھلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شەرھلەنمەك

  • شەرھلەنمەك[يەشمىسى:] «شەرھلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەسىرىدە فارابىنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى خېلىلا ئەتراپلىق شەرھلەنگەن.

شەرھلىمەك

  • شەرھلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ مەزمۇنى، ماھىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ، بايان قىلىپ چۈشەندۈرمەك؛ ئىزاھلىماق:[مىسال:] دۇچ كەلگەن چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا شەرھلەش لازىم.

شەرئى

  • شەرئى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] شەرىئەتكە ئۇيغۇن، شەرىئەتنىڭ قائىدە-قانۇنلىرىغا ماس، مۇۋاپىق كېلىدىغان:[مىسال:] سىز مېنىڭ شەرئى خوتۇنۇمسىز، ياخشىلىق بىلەنمۇ ۋە يامانلىق بىلەنمۇ مەن بۇنى ئىسپات قىلىشقا تەييارمەن

شەرىئەت

  • شەرىئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئاساسىدا تۈزۈلگەن دىنىي ئىشلار، جىنايى ئىشلار ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇن-قائىدىلىرىنىڭ جۇغلانمىسى، ئىسلام دىنى قانۇنى:[مىسال:] شەرىئەتنىڭ يەتمىش ئىككى پۇتىقى بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② دەۋا ئىشلىرىنى دىنىي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن، قازىخانا؛ سوت مەھكىمىسى:[مىسال:] ئۇلار تەگىشىپ، سەن-پەن دېيىشىپ قاپتۇ. جېدەل ئۇلغىيىپ شەرىئەتكە بېرىشىپتۇ.

شەرىپ

  • شەرىپ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇقەددەس، ئەزىز، تەۋەررۈك؛ مۇبارەك (كۆپىنچە سۈپەتلەنگۈچىدىن كېيىن كېلىدۇ):[مىسال:] بۇ كىشى مەككە شەرىپكىمۇ بارغان.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

شەرىپە

  • شەرىپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] قۇرۇلۇشلاردىكى مېھرابنىڭ كىچىكلىتىپ چۈشۈرۈلگەن شەكلى. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

شەشبەر

  • شەشبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇچىغا يۇمىلاق ياكى ئەگرى-بۈگرى تۆمۈر ئورنىتىلغان تاياق، ئۇزۇن دەستىلىك يېنىك گۈرزە:[مىسال:] مىلتىق، شەشبەر تۇتقان ياش ۋە قېرى مۇھاپىزەتچىلەر ئۇنى سالام بېرىپ كۈتۈۋېلىش.

شەقىقە

  • شەقىقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] باشنىڭ بىر تەرىپى زىڭىلداپ ئاغرىش كېسىلى:[مىسال:] توختىخان شەقىقە بولۇپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② شەقىقە بولۇپ قالغانلارنى ساقايتىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئايەت:[مىسال:] شەقىقە ئوقۇماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ساراڭ، كاززاپ، تولا سۆزلەيدىغان، كاس-كاس (ئاياللارغا قارىتا ئېيتىلىدىغان ھاقارەت سۆزى):[مىسال:] ھۇ شەقىقە پۇل دېگەن مانا، ئالە دېدى-دە، پۇلنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئاتتى.

شەك

  • شەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گۇمان، شۈبھە:[مىسال:] شەك چۈشمەك. شەك كەلتۈرمەك.

شەكسىز

  • شەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەك يوق، ئېنىق، شۈبھىسىز، گۇمانسىز، مۇقەررەر، چوقۇم:[مىسال:] كېنىزەك خىتاب قىلىپ: بۇ شەكسىز ياخشى بېلىق ئىكەن، دەپتۇ.

شەك-شۈبھە

  • شەك-شۈبھە[يەشمىسى:] شەك ۋە شۈبھە، گۇمانسىراش ۋە ئىشەنمەسلىك:[مىسال:] سىز تېخىچە شۇ گەپتىمۇ دەيتتى مۇزەپپەر سەل رەنجىگەندەك، بۇنىڭدا قىلچە شەك-شۈبھە يوق.

شەك-شۈبھىسىز

  • شەك-شۈبھىسىز[يەشمىسى:] شەك ۋە شۈبھە يوق، ناھايىتى ئېنىق، بەك ئىشەنچىلىك؛ مۇقەررەر ھالدا، چوقۇم:[مىسال:] ئۇ بۈگۈن ئارىمىزدا بولمىغىنى بىلەن بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە شەك-شۈبھىسىز ھېسداشلىق قىلىدۇ.

شەكلەن

  • شەكلەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شەكىل جەھەتتىن، ئىپادىلىنىش شەكلىگە كۆرە:[مىسال:] ئۇ تۆت مىسرالىق قىلىپ يېزىلىشى بىلەن شەكلەن رۇبائىيغا ئوخشىسىمۇ، مەزمۇنەن رۇبائىي بولالمايدۇ.

شەكلەندۈرمەك

  • شەكلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «شەكلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شەكلەنمەك

  • شەكلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گۇمانلانماق، شۈبھىلەنمەك، گۇمان ياكى شۈبھە بىلەن قارىماق:[مىسال:] پارتىزان يىگىتلەر، قانداقلا بولمىسۇن، بەگنىڭ ئۆلگەنلىكىگە شەكلەنمىدى.

شەكلىك

  • شەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۇمانلىق، شۈبھىلىك:[مىسال:] كۈتەتتىم ئۈمىدلەر، چىقتىڭ سەن قەللاپ سىزدىم مەن ھەممىگە شەكلىك بىر سىزىق. ئۈمىدىم ئۈزۈلگەن سەندىن ھەي كاززاپ يادىمدا قىلمىشىڭ تارىخىي تىزىق.

شەكلىي

  • شەكلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شەكىلگە تەئەللۇق بولغان؛ شەكىلگە ئاساسلانغان:[مىسال:] شەكلىي لوگىكا.

شەكىل (شەكلى)

  • شەكىل (شەكلى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ماددىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، سىرتقى قىياپىتى، پىچىمى، فورمىسى:[مىسال:] ئاي شەكلىدىكى قىلىچ. تۇخۇم شەكلىدىكى يوپۇرماق. ئادەم شەكلىدىكى مەخلۇق.[يەشمىسى:] ② ماددىلار كۆرۈنۈشىنىڭ تەقلىد قىلىنغان ياكى بىرەر نەرسە يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن ئەكسى، ئەينى، قىياپىتى، ھالىتى:[مىسال:] ياغلىقنىڭ چۆرىسىگە يەنە شۇ قان بىلەن بويالغان قىزىل يىپتا لەيلىگۈلنىڭ شەكلى قاتار سىزىلغانىدى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم فورما، كۆرۈنۈشتىكى نەرسىلەر:[مىسال:] گېئومېتىرىيىلىك شەكىل. تەكشىلىكتىكى شەكىل.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ ھالىتى، كۆرۈنۈشى:[مىسال:] مۇز سۇنىڭ قاتتىق شەكلىدۇر.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قەتئىينەزەر، تاشقى كۆرۈنۈشى، ئىپادىلىنىشى ياكى شەيئىلەردىكى ئىچكى ئامىللارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەشكىللىنىشى:[مىسال:] دېموكراتىيە شەكىل جەھەتتىكى تەڭلىكنىلا بىلدۈرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تۈر، فورما:[مىسال:] تەرجىئىبەند شېئىرىيەتتىكى بىر شەكىل.⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئۇسۇل، يول، يوسۇن:[مىسال:] مەكتەپ كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى تەربىيە بەردى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياڭزا، ئىپادە:[مىسال:] شەكىل چىقارماق.

شەكىلچىلىك

  • شەكىلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «شەكىلۋازلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ناھىيىمىزدە شەكىلچىلىك، قۇرۇق گەپ، داغدۇغا كۆپ.

شەكىلداش

  • شەكىلداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاشقى كۆرۈنۈش يەنى شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش، شەكىل جەھەتتىن پەرقلەنمەيدىغان:[مىسال:] شەكىلداش سۆزلەر.

شەكىلداش سۆزلەر

  • شەكىلداش سۆزلەر[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] يېزىلىش شەكلى ئوخشاش ئەمما ئوقۇلۇشى ياكى تەلەپپۇزدا پەرق قىلىدىغان سۆزلەر.

شەكىلداش قاپىيە

  • شەكىلداش قاپىيە[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شەكىلداش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن قاپىيە. بۇ خىل قاپىيە ئاساسەن تۇيۇقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

شەكىلداشلىق

  • شەكىلداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەكىلداش ھالەت، شەكىلداش بولۇش.

شەكىلسىز

  • شەكىلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇئەييەن شەكىل، كۆرۈنۈشكە ئىگە بولمىغان؛ تۇرۇق، قىياپىتى بولمىغان:[مىسال:] قانداقتۇر بىر خىل شەكىلسىز كۈچ مېنى ئالغا ئىتتىرەتتى.

شەكىلسىزلىك

  • شەكىلسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەكىلگە ئىگە بولماسلىق، شەكلى يوقلۇق.

شەكىللەندۈرمەك

  • شەكىللەندۈرمەك[يەشمىسى:] «شەكىللەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇۋاپىق جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئورمان قويۇپ، ئىھاتە ئورمانلىق شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شەكىللەندۈرۈلمەك

  • شەكىللەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «شەكىللەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىزنىڭ يېڭى جەمئىيىتىمىزدە ھەممە كىشى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارغا كۆيۈنىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات جەزمەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى ۋە شەكىللەندۈرۈلۈشى لازىم.

شەكىللەنمەك

  • شەكىللەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇئەييەن بىر شەكىلگە، فورمىغا، ھالەتكە كەلمەك؛ بەلگىلىك بىر شەكىل، تۈس ئالماق:[مىسال:] رەسىم قەغىزىنى دورىغا سالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ ئادەمنىڭ گەۋدىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا بولماق، بارلىققا كەلمەك:[مىسال:] ئۇ باسقان ھەربىر قەدەم سۆزسىز ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دېگەن قاراش ناھايىتى تېز شەكىللىنىپ، ئاخىر ئۇنىڭ بۇ ماھىر قەلەمكەشكە چىڭ باغلانغان مۇستەھكەم ئەقىدىسىگە ئايلانغانىدى.

شەكىللىك

  • شەكىللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇئەييەن شەكىل كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان؛ تۇرۇق، قىياپىتى بولغان:[مىسال:] ئادەم شەكىللىك ھايۋان ئىكەنسەن بوۋاي شۇنداق دېدى-دە، يەرگە ئاچچىق بىلەن تۈكۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

شەكىلۋاز

  • شەكىلۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ مەزمۇن ۋە ماھىيىتىنى ئەمەس پەقەت شەكلىنىلا دورىغۇچى؛ پەقەت شەكىلگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان، شەكلەن ئىشلەيدىغان ئادەم:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بەزىسى شەكىل ئۈچۈنلا ئەمگەك قىلىپ قوياتتى، لېكىن ئەخمەتجان ئۇنداق شەكىلۋاز ئەمەس ئىدى.

شەكىلۋازلىق

  • شەكىلۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەزمۇن ۋە ماھىيىتى بىلەن ھېسابلاشماي شەكىلگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىش ئۇسۇلى، ئادەت، قىلىق:[مىسال:] قۇرۇق شەكىلۋازلىققا تولا باش قاتۇرماڭ، بىرەر باشلىقنى ئەمەس، كۆپچىلىكنى رازى قىلىشقا تىرىشىڭ، تەجرىبە-ساۋاقلىرىڭىزنى ئوبدان يەكۈنلەڭ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىر تەرەپلىمە ھالدا شەكىلگىلا ئېسىلىۋېلىپ، ماھىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان خىزمەت ئىستىلى ياكى ھادىسىنىلا كۆرۈپ، ماھىيەتنى تەھلىل قىلمايدىغان بىر خىل ئىدىيىۋى ئۇسۇل:[مىسال:] شەكىلۋازلىق قىلماق.

شەڭگەن

  • شەڭگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتىكى ناھىيە باشلىقى:[مىسال:] شەڭگىنىڭدىن قورقمايمەن، قوناقلىقتىن چىقمايمەن.

شەڭگەن يامۇل

  • شەڭگەن يامۇل [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت:[مىسال:] مەن شاڭيولۇقنى ئالغۇچە ئاز چىقىم تارتتىممۇ ئوردىغا يۈگۈرۈپ، شەڭگەن يامۇلغا يۈگۈرۈپ، يۇرتقا چاي قويۇپ، قانچە يامبۇ، قانچە مونەك پۇللار چىقىپ كەتتى.

شەلپەر

  • شەلپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پاختا ۋە يىپەكتىن توقۇلغان قىزىل رەخت:[مىسال:] ۋاڭنىڭ ئالدىدىكى كالا بېشىغا شەلپەر چىگىلگەنىدى. ∥ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەلپەر كۆڭلەك ئايدىڭغا ياقتى بولغاي، ئۇنى قولىغا ئېلىپ ئايلاندۇرۇپ كۆردى.

شەلپەر رەڭ

  • شەلپەر رەڭ[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] ① قىزىل ئاپېلسىننىڭ پوستىغا ئوخشاش بىر خىل قىزغۇچ سېرىق رەڭ:[مىسال:] قۇياش پېتىپ ئۇپۇقنىڭ يۈزى قىزارغاندا شەلپەر رەڭ ئېلىپ، پىكىرلەشتى سەككىز-ئون جەڭچى، ئىشتىن چۈشۈپ لاگېرغا كېلىپ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل رەڭ بېرىلگەن ياكى شۇ خىل رەڭدىكى:[مىسال:] شەلپەر رەڭ لېنتا.

شەلدەم

  • شەلدەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياشاڭغىراپ چاپاقلىشىپ قالغان:[مىسال:] شەلدەم كۆز.

شەللەڭزە

  • شەللەڭزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① قاشقىسى پېشانىسىدىن تارتىپ تۇمشۇقىغىچە چۈشكەن ئات. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] شاللاق، كوت-كوت:[مىسال:] ھۇ شەللەڭزە ئاباق قوقاسقا ئولتۇرۇپ سالغاندەك چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئۇ مېنى بىركىمگە چېقىپتىمۇ

شەلۋەرەتمەك

  • شەلۋەرەتمەك[يەشمىسى:] «شەلۋەرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پاچاق ۋە بىلەكلىرىنى قىرلىق تاشلار تىلىپ، تىزلىرىنى شەلۋەرىتىپ ئېچىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاغرىقنى سەزمەيتتى.

شەلۋەرىمەك

  • شەلۋەرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يارا ياكى جاراھەتلەنگەن جاي قىزىرىپ، سۇ چىقىپ تۇرماق:[مىسال:] ئۇنىڭ جاراھىتى كۈندىن-كۈنگە قىزىۋاتقان قۇياشنىڭ تەپتىدىن شەلۋەرەپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەنىدى.

شەمەر

  • شەمەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ناھايىتى تېز ھەرىكەتلىنىدىغان، چاققان؛ تېز، چاپسان:[مىسال:] ئۇ كىچىك بولسىمۇ، ھەر ئىشقا شەمەر ئىكەن.[يەشمىسى:] ② ئىتتىك، ئۆتكۈر:[مىسال:] غەم قىلما ئۇكا، پىچىقىڭنى شەمەر قىلىۋەتتىم. تاشنى ئىككى قىلىۋېتىدۇ.

شەمەردەك

  • شەمەردەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەمەرگە ئوخشايدىغان، ئىتتىك، تېز، ئۆتكۈر:[مىسال:] شەمەردەك قىلىچ. شەمەردەك ئورغاق.

شەمس

  • شەمس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قوياش، كۈن:[مىسال:] ئى سابا مەندىن دۇئا ئول شوخ يارىمغا ئېيت، شەمسى تەلئەت، ئاھۇ كۆز نازۇك نىھالىمغا ئېيت.

شەمسىيە

  • شەمسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ قىلغان ھەرىكىتىنىڭ دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بىر خىل كالېندار. بۇنىڭدا بىر يىل 365 ياكى 366 كۈن بولىدۇ. ئۇ يەنە «قۇياش كالېندارى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە دېيىلىۋاتقان شەمسىيە كۆپىنچە خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىۋاتقان مىلادىيىنى كۆرسىتىدۇ. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

شەمشاد

  • شەمشاد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىغاي ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 30 مېتىردىن ئاشىدۇ. قوۋزىقى قوڭۇر كۈل رەڭ، يوپۇرمىقى يىڭنە شەكلىدە ھەم سەل-پەل ئەگمەچ كېلىدۇ. شارچە مېۋىسى قوڭۇر ۋە ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە، ياغىچى ئاق، قاتتىق ھەم سىپتا. ئادەتتە قۇرۇلۇش ۋە قورال-جابدۇق ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

شەمشەر

  • شەمشەر[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئۇرۇش قوراللىرىدىن بىرى، يەنى بىر خىل خەنجەر. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىتتىك، ئۆتكۈر:[مىسال:] سەن ۋىچىرلاپ ئۇچقاندا، شەمشەر قانات قارلىغاچ، زوقۇم بىلەن قارايمەن، كۆڭلۈم كۈلۈپ يايرىغاچ.

شەمشەرقۇيرۇق

  • شەمشەرقۇيرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شەمشەر+قۇيرۇق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. تېنى ياپىلاق كېلىدۇ. بېشى بىلەن كۆكرەك قىسمىدا قاسراقلىق قاپچۇقى بولۇپ، تاشپاقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. قۇيرۇقى ئارا شەكلىدە بولىدۇ. سۇلۇق ئېتىز ۋە جىلغىلاردا ياشايدۇ.

شەمشەرلىك

  • شەمشەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەمشىرى بار، شەمشەر ئاسقان:[مىسال:] شەمشەرلىك چاپارمەن ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتاتتى.

شەمشەرۋاز

  • شەمشەرۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شەمشەر ئىشلىتىشكە، شەمشەر بىلەن ئۇرۇشقا ماھىر كىشى.

شەمشەرۋازلىق

  • شەمشەرۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەمشەر ئىشلىتىش، شەمشەر ئۇرۇش ماھارىتى:[مىسال:] شەمشەرۋازلىق قىلماق. شەمشەرۋازلىقنى ئۆگەنمەك.

شەمئى

  • شەمئى[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شام، چىراغ، نۇر:[مىسال:] پىراقىڭدا بولۇپ مەجنۇن، يانايمەن شەمئىدەك ھەر تۈن، ئېرىپ جىسمىم ئاقار كۆزدىن يېشىم دۇردانە-دۇردانە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نۇرلۇق، يورۇق:[مىسال:] نە قىسمەتتۇر كۆزۈمگە، يار كۆرۈندى-كۆرۈندى. ئۇنىڭ شەمئى ھۆسنىدىن، جان بەر ئەمدى، بەر ئەمدى.

شەن

  • شەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەل ئارىسىدا چىققان ياخشى نام، ئابرۇي؛ داڭق، شۆھرەت، ياخشى پەزىلەت:[مىسال:] بىر يولداش «شەنىم-ئەسلىگە كەلمىسە ئىشلىمەيمەن» دەۋاتسا، بۇنى يىغىندا ھەل قىلمامدىكەنمىز دېدى زاۋۇت باشلىقى زەردە بىلەن.[يەشمىسى:] ② قەدىر-قىممەت، غۇرۇر، پەخىر:[مىسال:] ئۇ بۇنى يىگىتلىك شەنى ئالدىدىمۇ ۋىجدانىي قەرز دەپ ھېسابلايتتى.

شەنبە

  • شەنبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھەپتىنىڭ جۈمەدىن كېيىنكى، يەكشەنبىدىن بۇرۇنقى ئالتىنچى كۈنى.

شەنبە بازار

  • شەنبە بازار[يەشمىسى:] ① بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە شەنبە كۈنى بولىدىغان بازار. [يەشمىسى:] ② شەنبە كۈنى بازار بولىدىغان جاينىڭ نامى. [يەشمىسى:] ③ كىرىيە ناھىيىسىدىكى بىر يېزا بازىرىنىڭ نامى.

شەنبىلىك

  • شەنبىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان، شەنبە كۈنى قىلىنىدىغان:[مىسال:] شەنبىلىك تازىلىق تۈزۈمىنى ھەرقايسى ئورۇنلاردا تۇرغۇزۇش كېرەك.

شەھەر

  • شەھەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان، سودا-سانائەت تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى دېھقانچىلىق قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان، ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان جاي:[مىسال:] قەشقەر شەھىرى. ئۈرۈمچى شەھىرى.

شەھەر ئالىدىغاندەك

  • شەھەر ئالىدىغاندەك[يەشمىسى:] ناھايىتى زور ھەيۋە بىلەن، ئىنتايىن دەبدەبە بىلەن:[مىسال:] ئېرى قىزىل بۇرۇن تاتۇقمۇ پاختا ئېتىپ شەھەر ئالىدىغاندەك گۈركىرىدى.

شەھەر كۆرمىگەن

  • شەھەر كۆرمىگەن[يەشمىسى:] ① ئۆزى تۇرغان جايدىن باشقا يەرلەرگە بارمىغان. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىش كۆرمىگەن، نەزەر دائىرىسى تار، تەجرىبىسىز:[مىسال:] شەھەر كۆرمىگەن بالىلار-دە، دېدى ئۇ بىزگە قاراپ.

شەھەرنى ئالدى قونتاجى

  • شەھەرنى ئالدى قونتاجى[يەشمىسى:] بۇ ئىبارە ئىقتىدارسىز، قابىلىيەتسىز، تەجرىبىسىز ئادەمنىڭ ئىشنىڭ بېشىغا چىقىۋېلىپلا، ئىشنى قالايمىقان، ئوڭ-تەتۈر قىلىۋېتىشىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] شەھەرنى ئالدى قونتاجى دەپ، ئەمدى سېنىڭ ھاكىم بولۇپ قىلغىنىڭ مۇشۇ بولدىمۇ دېدى بوۋاي زەردە بىلەن ھاكىم بولغان ئوغلىغا ھومىيىپ.

شەھەرلىك

  • شەھەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شەھەردە ياشىغۇچى، شەھەردە ھايات كەچۈرگۈچى:[مىسال:] بىر بازار كۈنى باي شەھەرلىك ئەل-ئاغىنىلىرىنى چايغا قىچقىرىپتۇ. ∥ ئۇ شەھەرلىكلەرنى ناھايىتى كەم سۇندۇرۇراتتى.[يەشمىسى:] ② شەھەرگە تەۋە، شەھەر دائىرىسىدىكى، شەھەر دەرىجىلىك:[مىسال:] شەھەرلىك باج ئىدارىسى. شەھەرلىك پارتكوم.

شەھلا

  • شەھلا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] نۇرلۇق، قارىغا مايىل كۆك ۋە چوڭ-چوڭ (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] شەھلا كۆز. * نەزمىلەر پۈتتۈم كۆزى شەھلاغا، چىقمىدى يارىم ئۆيدىن تالاغا.

شەھۋانىي

  • شەھۋانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جىنسىي تەلەپتىن بولغان، شەھۋەتتىن كېلىپ چىقىدىغان:[مىسال:] ئۇ شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، چالا ئۆلۈك بولۇپ قالغان ئازادگۈلنى تورۇسقا ئېسىپ قويدى.[يەشمىسى:] ② شەھۋەتپەرەسلىككە ئائىت، ئەخلاقسىز، بەتقىلىق بايانلار ۋە سۈرەتلەر بېرىلگەن:[مىسال:] يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەھۋانىي كىتاب-ژۇرناللار تۈرلۈك يوللار بىلەن ئېلىمىزگە ئېلىپ كىرىلىپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ كەيپىياتىنى بۇلغىدى.

شەھۋانىيەت

  • شەھۋانىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «شەھۋانىيلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئىنسان شەھۋانىيەت ئۈچۈن ئەمەس، ئالەم تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن.

شەھۋانىيلىق

  • شەھۋانىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەھۋەتكە كۆپ بېرىلىش، شەھۋەتپەرەسلىك:[مىسال:] شاھزادە باغداشقا چىققاندىن كېيىن شەھۋانىيلىقتا چېكىدىن ئېشىپ كىشىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىۋەتتى.

شەھۋەت

  • شەھۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جىنسىي تەلەپ، جىنسىي ئىنتىلىش:[مىسال:] تەڭرى ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى كۆپەيتىش ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق قىلىش ئۈچۈن شەھۋەتنى ياراتتى. ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۈچۈن سەۋەب قىلدى.

شەھۋەتپەرەس

  • شەھۋەتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] شەھۋانىيلىققا بېرىلگەن، جىنسىي تەلىپى كۈچلۈك:[مىسال:] شەھەرگە يېڭىدىن بىر شاھ پەيدا بوپتۇ، بۇ شاھ شەھۋەتپەرەس ئىكەن.

شەھۋەتپەرەسلىك

  • شەھۋەتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەھۋەتپەرەس ھەرىكەت، شەھۋەتپەرەس قىلىق:[مىسال:] سۇلتان مامۇتنىڭ شەھۋەتپەرەسلىكى قوزغىلىپ، ئانارخاننى كۆرۈشكە ئالدىرىدى.

شەھۋەتخور

  • شەھۋەتخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «ەھۋەتپەرەس»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ پادىشاھنىڭ ئوغلى تولىمۇ شەھۋەتخور ئىكەن.

شەھۋەتخورلۇق

  • شەھۋەتخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەھۋەتخور ھەرىكەت، شەھۋەتخور قىلىق:[مىسال:] مەلىكىنىڭ يالغۇزلۇقىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆسن-جامالىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرگەن ۋەزىر ئوغلىنىڭ شەھۋەتخورلۇقى زىيادە ئېشىپتۇ.

شەۋكەت

  • شەۋكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئابرۇي، ھۆرمەت؛ شان-شۆھرەت:[مىسال:] كۈي قاتسام شۇڭا دىلدىن، شېكەر ياغدى بۇ تىلدىن، شەۋكىتى بۇ دىيارىمنىڭ يۈرەككە ئىشتىياق سالدى.[يەشمىسى:] ② كۈچ-قۇۋۋەت، سالاپەت؛ ھەيۋەت، ھەشەمەت:[مىسال:] شاھزادە بېگىمنىڭ شەۋكىتى بىلەن مۇشۇ كۈنلەرگە ئېرىشكەن قۇللىرى، خىزمەتلىرىگە تەييار تۇرۇپتۇ، دېدى سودىگەر ئامان قېلىش ئۈمىدىگە تولۇپ.

شەۋكەتلىك

  • شەۋكەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چوڭ ھۆرمەت ۋە ئابرۇي-ئىناۋەتكە ئىگە بولغان، شۆھرەتلىك، داڭلىق:[مىسال:] ئەي شەۋكەتلىك پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ ئوردا شەھىرىنىڭ غەربىدىكى قەبىلىدىن، ئانام يوق، ئاتام بولسا سەپەردە، دەپتۇ پادىچى.[يەشمىسى:] ② ھەشەمەتلىك، ھەيۋەتلىك:[مىسال:] باغ ئىچىگە خەلىپە ھارۇن رەشىد تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان شەۋكەتلىك چوڭ ساراي جايلاشقانىكەن.

شەۋۋال

  • شەۋۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھىجىرىيىنىڭ ئونىنچى ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى ئونىنچى ئاي (روزا ھېيت ئېيى). ئۇ 29 كۈن بولىدۇ.

شەيتانⅠ

  • شەيتانⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئادەملەرنى دىن يولىدىن ئازدۇرغۇچى، يامانلىققا، بەتقىلىقلىققا باشلىغۇچى ئەپسانىۋى مەخلۇق، ئىبلىس:[مىسال:] شەيتانغا «توپا يەمسەن» دېسە «يېغى بارمۇ» دەپتۇ (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شوخ، چاققان، ھەرىكەت ۋە قىلىقلىرى ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان (بالىلار ھەققىدە):[مىسال:] ھەي شەيتان قىز، مېنى ئالداپسىز-دە، دېدى نۇرۇم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] سەلب.[يەشمىسى:] قارانىيەت، ئالدامچى، ھىيلىگەر، مەككار، شۇم نىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ كاللىسى ئەجنەبىي شەيتانلارنىڭ رامكىسى بىلەن تولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرى ئەجنەبىيلەرنىڭ سۆزى، دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەمنى ئېزىقتۇرىدىغان ھېس، ئادەمنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەپ تۇرىدىغان ئىچكى تۇيغۇ:[مىسال:] ئامەت بىلەن ئاپەت، دېدى ساھىبجامال ئايال ئارقىدىن، دائىم بىر ئۆيدە قونغۇدەك، قىزىلگۈل بىلەن تىكەن بىر شاختا تۇرغۇدەك، شەيتاندىنمۇ ئادەم شەيتىنى يامان بولغۇدەك.

شەيتان ئاتلىماق

  • شەيتان ئاتلىماق[يەشمىسى:] چۈشىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ مەنىي كەلمەك، ئېھتىلام بولماق:[مىسال:] تولا شەيتان ئاتلاشمۇ بىر خىل كېسەللىك.

شەيتان ئارىلاشماق

  • شەيتان ئارىلاشماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى پائالىيەت يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشى سەۋەبلىك دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماق:[مىسال:] بۇ ئىشنى ھازىرچە ئۆزىمىزلا بىلەيلى، ئىشىمىزغا شەيتان ئارىلىشىپ قالمىسۇن، يەنە، -دېدى تەلەيخان گۈلسۈمخاننىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلاپ.

شەيتان تارازا

  • شەيتان تارازا [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قىممەت باھالىق ياكى تەجرىبىخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان نازۇك ماددىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئىككى بېشىغا كىچىك تەخسە ئورنىتىلغان، ئوتتۇرىدا ئىككى تەرەپنىڭ تەڭپۇڭ بولغان-بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھەرىكەتلەنگۈچى ئىسترېلكا ئورنىتىلغان تارازا.

شەيتانغا دەرس بېرىدىغان

  • شەيتانغا دەرس بېرىدىغان[يەشمىسى:] ئادەم ئالداشقا ناھايىتى ئۇستا:[مىسال:] ئۇ دېگەن شەيتانغا دەرس بېرىدىغان نەرسە، مەن ئۇنى ئوبدان بىلىمەن، دېدى ئىسمى ماڭا نامەلۇم بولغان بۇ ئەپەندى كەسكىن تەلەپپۇزدا.

شەيتاننىڭ پەيلى

  • شەيتاننىڭ پەيلى[يەشمىسى:] ئادەمنى ئېزىقتۇرۇپ يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەپ تۇرىدىغان ئىچكى ھېس-تۇيغۇ، يامان نىيەت، يامان ئارزۇ:[مىسال:] ھەي، دەپ پىچىرلىدى ئۇ سوتلىنىۋاتقان تاغامغا قاراپ، شەيتاننىڭ پەيلى بىلەن بىر قىزنى دەپ ئۆزۈڭنى بۇلغىۋالدىڭ-دە.

شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەك

  • شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەك[يەشمىسى:] كۆڭلىدە پەيدا بولغان يامان، ناچار ئارزۇ-ھەۋەس بويىچە ئىش قىلماق، ئەخمەقلىق قىلماق:[مىسال:] مەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئېزىپتىمەن.

شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالىدىغان

  • شەيتاننى ئۇسسۇلغا سالىدىغان[يەشمىسى:] ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ نۇرغۇن ئىشنى قىلالايدىغان، ھەر خىل ئىشلار قولىدىن كېلىدىغان.

شەيتىنى تۇتماق

  • شەيتىنى تۇتماق[يەشمىسى:] ① ئاچچىقى كەلمەك، غەزەپلەنمەك، غەزىپى ئاشماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئادالەتسىز سۆزلىرىنى ئاڭلىغان يىگىتنىڭ شەيتىنى تۇتۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماپتۇ-دە، ئۇنىڭغا ئېتىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ② كۈلگۈسى كەلمەك:[مىسال:] [مىسال:] شەيتىنىم تۇتتى-دە، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.

شەيتىنىغا ھاي بەرمەك

  • شەيتىنىغا ھاي بەرمەك[يەشمىسى:] ئۆزىنى تۇتۇۋالماق، يامان ئىشنى سادىر قىلىش نىيىتىدىن يانماق، يامان غەرەزدىن ۋاز كەچمەك.

شەيتانⅡ

  • شەيتانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گورىزونتال تەكشىلىكنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. رامكا بىلەن ئىچىگە ئېتىل ئېغىر ياكى ئىسپرت قاچىلانغان ئەينەك نەيچىدىن تۈزۈلىدۇ. نەيچە ئىچىدە بىر دانە كۆپۈك قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ باشتىن-ئاخىر نەيچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىدا تۇرىدۇ. شەيتان گورىزونتال تەكشىلىكتە تۇرغاندا، كۆپۈك نەيچىدىكى شكالىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىدۇ، بۇ شۇنداق ئەسۋابنىڭ بىر خىلى.

شەيتانتېرىسى

  • شەيتانتېرىسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شەيتان+تېرە+سى[[يەشمىسى:] قېلىن ھەم توقۇلۇشى ناھايىتى زىچ، ئاسان يىرتىلمايدىغان بىر خىل رەخت:[مىسال:] شەيتانتېرىسىدىن تىكىلگەن پەشمىتىمدىن قول ياغلىقىمنى ئالدىم.

شەيتانچاق

  • شەيتانچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ۋېلىسىپىت:[مىسال:] باي بالىسى كۆرەڭلىگەن ھالدا شەيتانچاقنى مېنىپ قاۋۇلنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.

شەيتانلىق

  • شەيتانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەككارلىق، ھىيلىگەرلىك، ئالدامچىلىق:[مىسال:] شەيتانلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② شوخلۇق، كەپسىزلىك:[مىسال:] شەيتانلىقى تۇتماق.

شەيخ

  • شەيخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بىلىملىك كىشىلەر، ئالىملار، ئۆلىمالار ۋە دىنىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدەررىسلىرىگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تەرىقەت خانىقاسىنىڭ باش دەرۋىشى:[مىسال:] ئايىمخاننىڭ زارلىنىشىنى شەيخ ئاڭلىماسقا سېلىپ، مۇرىتلارغا كايىپ:[مىسال:] قىزىق تۇتۇڭلار، سوۋۇپ قالماڭلار... ھە دەيتتى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>دىن<مازار، [يەشمىسى:] زىيارەتگاھ قاتارلىقلاردا، ئەۋلىيالارغا، خۇدا يولىغا ئاتالغان سەدىقە ۋە نەزىر-نىيازلار ھېسابىغا ياشايدىغان كىشى، مازارغا قارىغۇچى:[مىسال:] ھازىر ئۇ شەيخ بولۇۋاپتۇ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەييار، بىكار تاماققا ئادەتلەنگەن كىشى:[مىسال:] ئاتام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ (ماقال).

شەيخۇلئىسلام

  • شەيخۇلئىسلام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ چوڭ دىنىي مەنسەپ، ئۇنۋان ۋە مۇشۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن كىشى.

شەيدا

  • شەيدا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھەددىدىن ئارتۇق مەپتۇن بولغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن ئاشىق:[مىسال:] شەيدا بولماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە ھەددىدىن ئارتۇق قىزىقىش بىلەن بېرىلگۈچى، مەستانە:[مىسال:] شەيدا قىلماق.

شەيدالىق

  • شەيدالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشىقلىق، ئامراقلىق، مەپتۇنلۇق:[مىسال:] داۋۇت موللامنىڭ توختىخانغا بولغان شەيدالىقى پەقەت كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان شەيدالىقلا ئىدى.

شەيدايى

  • شەيدايى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىركىمگە ياكى نەرسىگە بەك بېرىلىپ ھوشىنى يوقاتقان؛ سەۋدايى:[مىسال:] مەن قوشاققا شەيدايى ئوقۇر ئىدىم ھەر كۈنى، ئولتۇرساممۇ قوپساممۇ، ئاڭا بېرىپ ئىشقىمنى.

شەيدايىلىق

  • شەيدايىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەيدا بولۇش ھالىتى، شەيدا بولۇش ھەرىكىتى.

شەيئى

  • شەيئى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق نەرسىلەر ۋە ھادىسىلەر:[مىسال:] يېڭى شەيئى. شەيئى ئۇقۇمى.

شپات

  • شپات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سىلىتسيگە مەنسۇپ بەزى مىنېراللارنىڭ ئومۇمىي نامى.

شپال

  • شپال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] رېلىسنىڭ ئاستىغا توغرىسىغا ياتقۇزۇلىدىغان چاسا تۈۋرۈك شەكلىدىكى ياغاچ ياكى بېتون.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] ياغاچ دومىلىتىشتا، ئاستىغا قويۇلىدىغان ياغاچ.

شپىرىس

  • شپىرىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] جانلىقلار تېنىگە سۇيۇق ھالەتتىكى دورا، قان قاتارلىقلارنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ياكى بەدەندىن قان ئېلىش قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىرخىل ئەسۋاب. سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، كۆپىنچە ئەينەكتىن ياسىلىدۇ. ئۇچىغا يىڭنە بېكىتىلىدۇ.

شتاب (شىتابى)

  • شتاب (شىتابى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي قىسىملارنىڭ قوماندانلىق ئورگىنى:[مىسال:] باش شتاب. پولك شتابى.  بۇ ئورۇنغا يەنە باتاليون شتابى جايلاشقانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يەرلىك ئورۇنلاردىكى بىرەر ئىنشائات ياكى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان فۇنكسىيىلىك ئورگان، رەھبەرلىك ئاپپاراتى:[مىسال:] سۇ قۇرۇلۇشى قوماندانلىق شتابى. ئورمان ئاسراش قوماندانلىق شتابى.

شتاتⅠ(شتاتى)

  • شتاتⅠ(شتاتى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] بەزى كاپىتالىستىك فېدېراتىپ دۆلەتلەردىكى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مەمۇرىي، تېررىتورىيىلىك بىرلىك:[مىسال:] ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى. كالىفورنىيە شتاتى.

شتاتⅡ

  • شتاتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] تەشكىلىي ئاپپاراتلار، ئۇنىڭدىكى خادىملارنىڭ سانى ھەمدە ئۇلارغا تەقسىملەنگەن ۋەزىپە قاتارلىقلار ھەققىدە يۇقىرىدىن پىلان بويىچە چۈشۈرۈلگەن نورما، سان:[مىسال:] شتات كەم. شتات تولۇق. شتاتنى قىسقارتماق. كادىرلار شتاتى. شتاتتىكى ئىشچى.

شتاتلىق

  • شتاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شتاتقا ئىگە، شتات ئىچىدىكى، شتاتقا كىرگۈزۈلگەن:[مىسال:] ۋاھىد ئەمدى شتاتلىق كادىر بولۇپ قالدى، تويمۇ قىلىۋالدى.

شتانكا

  • شتانكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئەسۋابى. ئادەتتە تۆمۈر كالتەكنىڭ ئىككى ئۇچىغا تەخسىسىمان يۇمىلاق تۆمۈرلەرنى بېكىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. تەخسىلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىرى 25 كىلوگرام، ئەڭ يېنىكى 25.1 كىلوگرام كېلىدۇ.

شتانگېنىسىركۇل

  • شتانگېنىسىركۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ماشىنا دېتاللىرى ۋە ھەر خىل ئىشلەنمىلەرنىڭ ئىچكى-تاشقى دىئامېتىرى ياكى ئۇلارنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب. زىللىق دەرىجىسى 02.0 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ.

شتېپسېل

  • شتېپسېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆتكۈزگۈچ سىمىنىڭ بىر بېشىغا ئۇلىنىدىغان چاتقۇچ. ئۇنى روزېتكىغا سانجىغاندا توك ئۇلىنىدۇ.

شكالا

  • شكالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئۆلچىگۈچ، سائەت قاتارلىق ئەسۋابلار ئۈستىگە ئويۇلغان ياكى سىزىلغان، ھەمدە ھەر خىل مىقدارلار (رازمېر، تېمپېراتۇرا، توك بېسىمى قاتارلىقلار)نىڭ چوڭ-كىچىكلىك دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدىغان سان-سىپىر ۋە سىزىقلار. [يەشمىسى:] ② مىقدار، دەرىجە، تېمپېراتۇرا، خۇسۇسىيەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئۆلچەش ياكى باھالاش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان سانلار سىستېمىسى:[مىسال:] سېلسىيە شكالىسى. فارېنگېيت تېمپېراتۇرا شكالىسى.

شلانكا

  • شلانكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] رېزىنكە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان، ئەمما ئېگىلىشچانلىققا ئىگە ماتېرىياللاردىن ياسالغان تۇرۇبا، نوركەش.

شوئار

  • شوئار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنى مەلۇم بىر پائالىيەت ياكى ھەرىكەتكە سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن ئېغىزدا توۋلىنىدىغان ياكى لوزۇنكا، قەغەز قاتارلىقلارغا يېزىلىدىغان، تۈپ ئىدىيە ياكى سىياسىي تەلەپنى ئىپادىلىگۈچى قىسقا جۈملە، چاقىرىق، تەشەببۇسنامە:[مىسال:] شوئار توۋلىماق.[يەشمىسى:] ② شۇنداق جۈملىلەر يېزىلغان قەغەز:[مىسال:] شوئار چاپلىماق.

شوئارۋاز

  • شوئارۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەسەرلىرىدە ئەدەبىياتنىڭ ئىنسان روھىنى ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئاساسىي بۇرچىنى چەتتە قويۇپ، پەقەت شوئار خاراكتېرلىك شېئىرلارنى يازىدىغان شائىر:[مىسال:] ئۇ «شوئارۋاز» بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى. بىزمۇ ئۆز ئۇسلۇبىمىز، ئۆز خاھىشىمىز بويىچە يازىۋېرىمىز.[يەشمىسى:] ② قىلغان ئىشىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما قۇرۇق چاقىرىقنى ھەممىدىن كۆپ قىلغۇچى، ئەمەلىي ئۈنۈمى يوق ئىشقا باشقىلارنى ئۈندىگۈچى.

شوئارۋازلىق

  • شوئارۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شوئارۋاز ھەرىكەت، شوئارۋاز خاراكتېر:[مىسال:] بىر قىسىم شائىر ۋە ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ شوئارۋازلىق، قېلىپبازلىق ۋە دورامچىلىق ئىللەتلىرى تېخى تۈگىگىنى يوق.

شوپاڭ

  • شوپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ھاراق ساتىدىغان، ۋە ھاراق ئىچىدىغان ئۆي:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىچ پۇشۇقىنى تۆت ئوشۇق بىلەن چىقىرىشقا تىرىشسا، بەزىلىرى شوپاڭ ياقىلايدىغان بولۇۋالدى.[يەشمىسى:] ② بەزىبىر شوپاڭ ئاچقان ياكى ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان كىشىلەرگە قويۇلغان لەقەم:[مىسال:] ھوشۇر شوپاڭ.

شوپاڭچى

  • شوپاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شوپاڭ ئاچقان كىشى، شوپاڭنىڭ ئىگىسى:[مىسال:] ھېلىقى شوپاڭچى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، قالغان پۇللىرىنى بېرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

شوپاڭچىلىق

  • شوپاڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شوپاڭ ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلىش كەسپى:[مىسال:] ياڭ لاۋبەن دېگەن قېرى بۇ يەردە 30 يىلدىن بېرى شوپاڭچىلىق قىلىۋاتاتتى.

شوپۇر

  • شوپۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئاپتوموبىل، ترامۋاي، پويىز قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى ھەيدىگۈچى كىشى:[مىسال:] ماشىنىدا شوپۇر بىلەن قوشقاندا بەش ئادەم بار ئىدى.

شوپۇرلۇق

  • شوپۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاپتوموبىل، ترامۋاي، پويىز قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى ھەيدەش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] شوپۇرلۇق قىلق.

شوتا

  • شوتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەڭ ئىككى تال ئۇزۇن ياغاچقا بالداقلارنى مەلۇم نىسبەتتە ئارىلىق قالدۇرۇپ بېكىتىش ئارقىلىق ياسالغان، تۆۋەندىن يۇقىرىغا چىقىش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب (ئۇنىڭ ھازىر تۆمۈردىن ياسىلىدىغانلىرىمۇ بار). [يەشمىسى:] ② ھارۋىنىڭ ئۇلاغ قوشۇلىدىغان ئىككى يان ياغىچى ۋە چاق ھەم ئوقتىن باشقا ھەممە قىسمى.

شوتا قويۇپ بەرمەك

  • شوتا قويۇپ بەرمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئېغىر ھالەتتىن قۇتۇلۇش ياكى يۇقىرى ئۆرلەش ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بەرمەك، ياردەم قىلماق.

شوتىسىمان

  • شوتىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شوتىغا ئوخشايدىغان، شوتىدەك:[مىسال:] شوتىسىمان كۆۋرۈك.

شوتىلىق

  • شوتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شوتىسى بار، شوتا ئورنىتىلغان، شوتا بېكىتىلگەن:[مىسال:] شوتىلىق ھارۋا.[يەشمىسى:] ② شوتا قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان، شوتا قىلىشقا بولىدىغان ياكى مەخسۇس شوتا ياساش ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] شوتىلىق ياغاچ.

شوخ

  • شوخ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ۋاقتىنى ئويۇن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان، ئويۇنغا ئامراق؛ جىمغۇر ئەمەس، كەپسىز:[مىسال:] دىلشات بۇرۇندىن شوخراق ئوقۇغۇچىلاردىن بولسىمۇ، لېكىن دەرس ئىنتىزامىنى ساقلايتتى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيتتى.[يەشمىسى:] ② ئويۇن-كۈلكىنى، ھەزىل-چاقچاقنى ياخشى كۆرىدىغان، خۇشخۇي، خۇش چاقچاق، ئوچۇق-يورۇق:[مىسال:] توي خەۋىرىنى ئاڭلىغان يېزىمىزنىڭ شوخ ياشلىرى سازلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كىرىپ كېلىشتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئويناق، چاققان، ئەركىن (تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدا):[مىسال:] ئاسىيەنىڭ زىلۋا قامىتى، شوخ ئۇسسۇلى، يېقىملىق تەبەسسۇمگە تولغان چېھرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە شادلىق تۇيغۇسى ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، يېقىملىق، جۇشقۇن (ناخشا-مۇزىكا، قوشاق، شامال قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] شوخ كۈي. شوخ ناخشا. شوخ پەدە. شوخ شامال.

شوخا

  • شوخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرەخ ياكى چاتقاللارنىڭ تېنىدىن بىخلاپ چىققان يوغان ۋە قاتتىق تىكەن:[مىسال:] جىگدە شوخىسى. ئۆرۈك شوخىسى.

شوخشۇتماق

  • شوخشۇتماق[يەشمىسى:] «شوخشۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئامال بىرلا: ئۇ بولسىمۇ سەركىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئۇنى كەينىگە شوخشۇتۇش ئىدى.

شوخشۇماق

  • شوخشۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارقىچىلاپ كەينىگە يانماق:[مىسال:] ئايتىللا ئىتنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەينىگە شوخشۇدى.

شوخلا

  • شوخلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ياپىلاق ياكى شار شەكلىدە بولۇپ، ئاساسەن كۆكتات قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى. ئۇ يەنە «پەمىدۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

شوخلاشتۇرماق

  • شوخلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «شوخلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شوخلاشماق

  • شوخلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارغانسېرى شوخ ھالغا كەلمەك، شوخ بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ تېخىمۇ شوخلىشىپ كەتكەنىدى.

شوخلۇق

  • شوخلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شوخ قىلىق، ئويۇنغا ئامراق مىجەز، خۇشخۇي خاراكتېر:[مىسال:] ھېچ ۋەقەسى يوق، ئەمدى شوخلۇق قىلمايدۇ. راستمۇ، شەۋكەت-دېدى ئۇ بالىنى ئاقلاپ.

شوخىلاشماق

  • شوخىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېنىدە شوخا پەيدا بولماق، تېنىدىن يوغان-يوغان تىكەنلەر ئۆسۈپ چىقماق:[مىسال:] ئاق ئۆرۈك بۇ يىل شوخىلىشىپ كەتكەچكە، كىچىك ئىنىم ئۇنىڭغا ئۆتكەن يىللاردىكىگە ئوخشاش ئاسانلا چىقالمايتتى.

شوخىلىق

  • شوخىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① غولى ياكى شاخلىرىدا شوخىسى بار، شوخا ئۆسۈپ چىققان:[مىسال:] شوخىلىق جىگدىگە چىقسام، يىرتىلدى چاپانلىرىم. سىلىنى ئىزدەپ يۈرۈپ، يېرىلدى تاپانلىرىم.[يەشمىسى:] ② تىكىنى بار شاخ-شۇمبىلاردىن قىلىنغان:[مىسال:] مۈشۈك بىر شوخىلىق چىتنىڭ ئارىسىدىن ھويلىغا كىرىپ كېتىپتۇ.

شوخىلىماق

  • شوخىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غول ياكى شاخلىرىدا شوخا پەيدا بولماق، شوخا ئۆسۈپ چىقماق:[مىسال:] شوخىلاپ كەتكەن ئۆرۈك شاخلىرى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئىلىۋېلىپ، ئۇنى تېخىمۇ خاپا قىلىشقا باشىلىدى.

شورⅠ

  • شورⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە، يەنى تەركىبىدە كرىستاللاشقان ئون دانە سۇ مولېكۇلىسى بولغان ناترىي سۇلفات. ئاق ياكى رەڭسىز كېلىدۇ، ئادەتتە خىمىيە سانائىتى، ئەينەكچىلىك سانائىتى ۋە قەغەزچىلىك سانائىتى قاتارلىقلارغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. تېببىي دورىگەرلىكتە بولسا سۈرگە دورىسى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرنىڭ ئۈستىۋاش ياكى سىرتقا تېپىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تۇز، ئاق داغ:[مىسال:] قارىسام، سەمەتنىڭ كۆڭلىكىنىڭ دۈمبىلىرى شور باغلاپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە تۇز ماددىسى كۆپ بولغان، كۆپەيگەن، شورتاڭ؛ زەي:[مىسال:] شور توپا. شور تۇپراق. شور سەي.

شورⅡ(شورى)

  • شورⅡ(شورى)[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] بەختسىزلىك، تەلەيسىزلىك، بىچارىلىك، بەختسىز تەقدىر:[مىسال:] ۋاي شورۇم. * تۆت خالتا، ئارىمىزدىكى توختام شۇ-دە، دېدى مەتباقى، سەنمۇ نۇقتىلىق ئائىلە بولغان بولساڭ، گەپ يوق يەنە ئون خالتا چۈشۈرۈۋالاتتىڭ، ئۆزۈڭنىڭ شورى-دە، بىز كەتتۇق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەتۈر، ئوڭ كەلمىگەن؛ شۇم:[مىسال:] شور پېشانە. شور تەلەي. شور ئېغىز.

شور ئېغىز

  • شور ئېغىز[يەشمىسى:] كۆڭۈلسىز، نامۇۋاپىق گەپلەرنى قىلىپ كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك تېپىپ بەرگۈچى، ئەندىشىلىك گەپ-سۆزلەرنى تارقاتقۇچى:[مىسال:] ئانام تۈگەپ كېتەرمىكىن دېگىنىنى تېخى، شور ئېغىزنىڭ.

شورى قۇرۇغۇر

  • شورى قۇرۇغۇر[يەشمىسى:] «بەختى قارا، تەلەيسىز، بىچارە...» دېگەن مەنىلەردىكى ھەم ھېسداشلىق ھەم ئېچىنىشنى بىلدۈرىدىغان سۆز:[مىسال:] ھوي، شورى قورۇغۇر ئاشۇ روشەنچىلىكمۇ بولالمىدىڭمۇ.

شوراⅠ

  • شوراⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باغ ۋە ھويلا-ئاراملارنىڭ توسما تاملىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ئادەم ئۆتكۈدەك بولۇپ قالغان كەمتۈك يېرى:[مىسال:] باغقا كىردىم شوراڭدىن، تەمەيىم يوق غوراڭدىن. ماڭا بەرمىگەن قىزىڭنى، ئوغرى ئالسۇن موراڭدىن.

شوراⅡ

  • شوراⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شورا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى كۈل رەڭ بولۇپ، ئۈستى يالتىراق كېلىدۇ. تاشلاندۇق يەر، ئېتىز-ئېرىق بويلىرىدا ياۋايى ھالەتتە ئۆسىدۇ.

شوراتماق

  • شوراتماق[يەشمىسى:] «شورىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇكام بىر شورىتىپ قويغىنا، — دېدى ئۇ ۋە يوغان يۆگەلگەن تاماكىنى كۈچەپ-كۈچەپ شوراشقا باشلىدى.

شوراشماق

  • شوراشماق[يەشمىسى:] «شورىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يولداشلار دېدى ئۇ خىرىلدىغان ۋە تىترىگەن ئاۋاز بىلەن، ئۇلار بىزنىڭ قېنىمىزنى قاچانغىچە شورىشىدۇ...

شورالماق

  • شورالماق[يەشمىسى:] «شورىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تومۇرلىرىمىز قۇرۇدى قانلىرىمىز شورىلىپ. مىدىرلايلى دوستلار... ھەي دوستلار... ئۆلمەيلى بۇنداق تولغىنىپ.

شورپا

  • شورپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① گۆشنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇشتىن ھاسىل بولغان سۇيۇقلۇق، بەزىدە ئۇنىڭغا ئازراق تۇز، پىياز، دورا-دەرمانلار سېلىنىپ تەملىك يېمەكلىك قىلىنىدۇ:[مىسال:] چەينەك شورپىسى. توخۇ شورپىسى. * پۇل بولسا، جاڭگالدا شورپا (ماقال).[يەشمىسى:] ② مانتا، سامسا قاتارلىق قىيمىلىق تاماقلارنىڭ مايلىق سۈيى:[مىسال:] ئۇلار ئىككىسى شورپىسى ئېقىپ تۇرغان پېتىر مانتىنى يەپ ئولتۇرۇپ، شۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۇزاق مەسلىھەتلەشتى.

شورپىسىنىڭ شورپىسى

  • شورپىسىنىڭ شورپىسى[يەشمىسى:] ئۇرۇق-تۇغقانلىق ۋە دوستلۇقنىڭ بەك يىراقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان يەنى «تۇغقىنىنىڭ تۇغقىنى، دوستىنىڭ دوستى» دېگەن مەنىلەردىكى ئىبارە.

شورپا-شەلەڭ

  • شورپا-شەلەڭ[يەشمىسى:] شورپا ۋە ياكى شۇ خىلدىكى سۇيۇق تاماقلار.

شورتاڭ

  • شورتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شورلاشقان، شور بېسىپ كەتكەن، شورى كۆپ:[مىسال:] شورتاڭ يەر.

شورتاڭلىق

  • شورتاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شورلىشىپ كەتكەن، شورلۇق يەر:[مىسال:] تاغام كۆز يېتىم ئارىلىقنى ئايلىنىپ كۆك يانتاق بېسىپ كەتكەن بىر شورتاڭلىقتا توختىدى.

شورسىز

  • شورسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شورى يوق ياكى تۇز تەركىبى نورمال:[مىسال:] بۇ يەرلەر پۈتۈنلەي شورسىز يەرلەر، زىرائەتلەر ناھايىتى ئوخشايدۇ، كۆزلىگەن ھوسۇلنى ئالغىلى بولىدۇ.

شورسىزلاندۇرماق

  • شورسىزلاندۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارتۇق تۇز تەركىبىنى چىقىرىۋېتىپ نورمال ھالەتكە كەلتۈرمەك، شورىنى تازىلىماق:[مىسال:] بەزى ئەللەردە دېڭىز سۈيىنى مەخسۇس شورسىزلاندۇرۇش زاۋۇتلىرىدا شورىدىن ئاجرىتىپ، ئىچىشكە ئىشلەتمەكتە.

شورسىزلاندۇرۇلماق

  • شورسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «شورسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سۇ مەنبەسى قىس بولغاچقا، ئۇلار ئەمدى شورسىزلاندۇرۇلغان دېڭىز سۈيىنى ئىچىشكە ئىشلەتتى.

شورسىزلانماق

  • شورسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەركىبىدىكى شور ياكى تۇز تەركىبى ئاجرىتىپ چىقىرىۋېتىلمەك، شورسىز ھالەتكە كەلتۈرۈلمەك.

شوركا

  • شوركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بۆدىنىنىڭ مېكىيىنى، چىشى بۆدىنە.

شورلاتماق

  • شورلاتماق[يەشمىسى:] «شورلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شورلاشتۇرماق

  • شورلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «شورلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆزىدىن ئاققان ياش تەر بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ ئېغىزىنى تېخىمۇ شورلاشتۇرۇۋەتتى.

شورلاشماق

  • شورلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇز تەركىبى ئېشىپ شور قاپلاپ كەتمەك، شور بېسىپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ مايكىسى تەردىن شورلىشىپ كەتكەنىدى.

شورلانماق

  • شورلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەركىبىدە تۇز ياكى شور پەيدا بولماق.

شورلۇق Ⅰ

  • شورلۇق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شور قىسمى كۆپ، شور قاپلاپ كەتكەن:[مىسال:] لاينىڭ شورلۇق خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ ھەرە چاققان جايلارغا چاپلاپ ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇز تەركىبى كۆپىيىپ يۈزى شورلىشىپ كەتكەن يەر:[مىسال:] ئۆيىمىزنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر كەڭ شورلۇق بار ئىدى.

شورلۇق

  • شورلۇق [يەشمىسى:] ① Ⅱ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەختسىز، بىچارە؛ پېشانىسى تەتۈر، تەلەيسىز:[مىسال:] ئۇنىڭ شورلۇق ئائىلىسىمۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى نەگىدۇر تارقاقلاشتۇرۇلۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلىشمەسلىك، بەختسىزلىك، پالاكەتلىك، بالايىئاپەت:[مىسال:] ئەمدى ماڭا كەلدى بۇ شورلۇق دېگىنە-دېدى ئۇ پېشانىسىگە مۇشتلاپ ئازاب بىلەن خىرقىراپ.

شورلىماق

  • شورلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نان ياقىدىغان تونۇر ياكى ئوچاقنىڭ نان يېقىلىدىغان يۈزىگە شور توپىسى ياكى تۇز توپىسىدىن تەييارلانغان لاينى تەكشى چاپلىماق. [يەشمىسى:] ② كۆن-خۇرۇمچىلىقتا، تېرىنى تۇزلانغان سۇغا سالماق.

شورىخانا

  • شورىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] «باجخانا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ كۇچادىكى شورىخانىنىڭ جىساسى ئىدى.

شورىدىماق

  • شورىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاملار شورلاپ تۆكۈلۈپ تۆشۈك ۋە شورىلار ھاسىل بولماق:[مىسال:] يەر زەي بولغاچقا، تاملار شورىداپ كەتتى.

شورىغۇچ

  • شورىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شورايدىغان ياكى شوراش رولىنى ئوينايدىغان:[مىسال:] قان شورىغۇچ قۇرت. شورىغۇچ تەخسە.

شورىگۇل

  • شورىگۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شورا+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سېمىزئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ۋە يوپۇرمىقى گۆشلۈك كېلىدۇ، گۈلى جىگەر رەڭ، ھال قىزىل، سېرىق ۋە ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

شورىماق

  • شورىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىلى، ئاغزى بىلەن شۈمۈپ، سۈمۈرۈپ ئىچىگە تارتماق، ئىچمەك (سۇيۇقلۇقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ توخۇمنىڭ ئۇچىنى قەلەمتىراش بىسى بىلەن ئەپلەپ ئۇرۇپ ئاچتى-دە، ئىچىدىكىسىنى شوراپ ئىچىۋەتتى.[يەشمىسى:] ② ئىچىگە تارتماق، چەكمەك (چېكىملىكلەر ھەققىدە):[مىسال:] ئېرىم چىلىمنى پورۇقلىتىپ قاتتىق شوراپ تۇرۇپ مېنى شەرەت بىلەن يېنىغا چاقىردى.

شوشاڭ

  • شوشاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي قىرقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولغان قايچىسىمان سايمان.

شوق (شوقى)

  • شوق (شوقى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرنەرسىگە قاتتىق بېرىلىش، قىزىقىش، ئىشتىياق؛ ئىشق:[مىسال:] شۇ مۇھەببەت شوقى مەندىن كەتمىدى، قول سېلىپ سۇنسام لېۋىگە يەتمىدى. ناگاھان يەتسە قولۇم تاتلىقلىقى زادى، ھەرگىزمۇ دىلىمدىن كەتمىدى.

شوقلانماق

  • شوقلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە قاتتىق قىزىقماق، بېرىلمەك، ئىشتىياق باغلىماق:[مىسال:] كۆرۈنەتتى گۈزەل باھار ئاي بىلەن قىلغان سۆھبىتىمگە يەنىمۇ شوقلانغاندەك...

شوك

  • شوك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] كلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئۇنىۋېرسال كېسەللىك. كۆپىنچە بەدەن قاتتىق زەخىملىنىش، ھەددىدىن زىيادە توڭلاش، چارچاش ياكى روھىي جەھەتتىكى زەربە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تورمۇزلاپقويۇش قاتارلىقلارنىڭ باشقا سىستېمىلار فۇنكسىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، قان ھەرىكىتى ئاستىلاش، تۆت مۈچە توڭلاش، رەڭگى تاتىرىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەش، ئەس-ھوشىنى يوقىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

شوكۇمⅠ

  • شوكۇمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تويدا مېھمانلارنىڭ توي ئىگىسىگە ئەكەلگەن سوۋغىتى.

شوكۇمⅡ

  • شوكۇمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىتائەت؛ يېلىنىش.

شول

  • شول[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شۇ:[مىسال:] بەندە بولدۇم، شول ئىرادە، قالدىم سانسىز مەن بالادا.

شولا

  • شولا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر جىسىمدىن تارقالغان يورۇقلۇق، نۇر، يالقۇن:[مىسال:] ئاي شولىسى.[يەشمىسى:] ② ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ سۇدا پەيدا بولغان ئەكسى، سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىلگەن سۈرىتى؛ سايە:[مىسال:] قىز قەددىنى رۇسلاپ، ئۆزىنىڭ سۇدىكى شولىسىغا قارىدى.

شولىگۈل

  • شولىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شولا+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلقىيار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك ۋە تۈكلۈك كېلىدۇ. يازدا ئېچىلىدۇ، رەڭگى سېرىق، كېچىلىرى ئېچىلىپ، سەھەرگە يېقىن تۈگۈلۈۋالىدۇ. ئۇنى ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپەيتىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلغىلى، ئۇرۇقىدىن ماي تارتقىلى بولىدۇ. يىلتىزىنى قىزىتمىنى قايتۇرغۇچى دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

شولىلىق

  • شولىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شولا تارقالغان، شولا چۈشكەن؛ شولا بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] قاش قارىيىشتىن بۇرۇنقى بۇ قىزغۇچ شولىلىق قۇملۇق ئۇنىڭغا خۇددى كېپەك ئالتۇن چېچىۋەتكەندەك تۇيۇلۇپ ئاجايىپ بىر خىل ھۇزۇر ئاتا قىلغانىدى.

شوۋىچى

  • شوۋىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ① خوتۇنى ياكى قىزلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا يول قويىدىغان، ئېغىر ئالمايدىغان ئەر:[مىسال:] ئايالى ئەكىرگەن نەرسىنى سورىمايلا تەكچىگە تىزىش شوۋىچىلارنىڭ ئىشى، ئۇقتۇڭمۇ ئۇ ئىنىسىغا زەردە بىلەن ۋارقىرىدى.[يەشمىسى:] ② شۇنداق دەپ قارالغان ئەرلەرگە قارىتا ئېيتىلىدىغان ھاقارەت سۆزى.

شوۋىچىلىق

  • شوۋىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوتۇنى ياكى قىزلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا يول قويۇش ئىشى ۋە ئۇلارنى ئېغىر ئالمايدىغان ئادەت:[مىسال:] — ساڭا ئوخشاش شوۋىچىلىق قىلمىدىم، -دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ.

شوۋىگۈرۇچ

  • شوۋىگۈرۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شورپا+گۈرۈچ[[يەشمىسى:] سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا گۈرۈچ، قىيما، پىياز، يۇمغاقسۈت، قۇرۇق مېۋىلەر سېلىنىپ، قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان سۇيۇق يېمەكلىك.

شوۋىنىزم

  • شوۋىنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بىر خىل ئەكسىيەتچىل بۇرژۇئا مىللەتچىلىكى. بۇنىڭدا ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇپ، باشقا مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ۋە قۇل قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بۇ ناپاليوننىڭ زورلۇق بىلەن فرانسىيىنىڭ كۈچىنى سىرتقا كېڭەيتىشنى ئەڭ ئاكتىپ قوللىغان ھەربىي ئەمەلدار شوۋىننىڭ نامى بىلەن «شوۋىنىزم» دەپ ئاتالغان.

شوۋىنىزمچى

  • شوۋىنىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شوۋىنىزمنى ھىمايە قىلغۇچى، شوۋىنىزم تەرەپدارى.

شوۋىنىزمچىلىق

  • شوۋىنىزمچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شوۋىنىزمغا خاس ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەت.

شوۋىنىزملىق

  • شوۋىنىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شوۋىنىزمغا ئائىت، شوۋىنىزمغا خاس، شوۋىنىزم تۈسىنى ئالغان:[مىسال:] ئۇلار ئېغىزىدا سوتسىيالىزم دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە شوۋىنىزملىق قىلىدۇ.

شوۋىنىست

  • شوۋىنىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] شوۋىنىزم تەرەپدارى، شوۋىنىزم ئىدىيىسى سىڭگەن كىشى.

شويلا

  • شويلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سەۋزىنى مايدا قورۇپ، سۇ قوشۇلغاندىن كېيىن گۈرۈچ سېلىنىپ، پەس ئوتتا مەلۇم ۋاقىت قايناتقاندىن كېيىن دۈملەپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل تاماق. ئۇ شوۋىگۈرۈچتىن قۇيۇقراق، پولۇدىن يۇمشاقراق بولىدۇ.

شوينا

  • شوينا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۇڭ ياكى پاختىدىن تۆمۈنە توملۇقىدا ئېشىلگەن يىپ:[مىسال:] دادام ساندۇقتىن شوينىغا ئۆتكۈزۈلگەن بىر توپ تۇچ يارماقنى ئالدى.[يەشمىسى:] ② شۇنداق يىپتىن قىلىنغان بوغقۇچ (ئاياغنىڭ):[مىسال:] ئۇ ئوڭ پۇتىنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ئايىغىنىڭ شوينىسىنى يېشىشكە باشلىدى.

شويى

  • شويى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئەمەلدار، پۇلدارلارنىڭ بالىسى؛ بەگزادە، بايۋەچچە:[مىسال:] خەلقنىڭ مەسخىرىلىك چاقچاقلىرى پەسكەش بۇ شويىنى كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتىپ، قۇيرۇقىنى يىغىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى.

شۇ

  • شۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچىگە يېقىن جايدىكى ياكى سۆزلىگۈچىنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئادەم ياكى نەرسىنى كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] -ئەمەتنىڭ دادىسى شۇ بولسا كېرەك، -دېدى ئۇ ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىنى كۆزى بىلەن ئىشارە قىلىپ.[يەشمىسى:] ② كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن ئىسىم ۋەزىپىسىدە كېلىپ سۆزلىگۈچىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى قارىتىلغان نەرسە ياكى ئادەمنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئادەم ئۆز ئەمگىكى بىلەنلا قىممەتلىك.[يەشمىسى:] ③ كېسىم رولىدا كېلىپ «ئەنە ئاشۇنىڭ ئۆزى»، «دەل ئۆزى»، دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئاتام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ دېگەن شۇ-دېدى پاتەمخان مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا.[يەشمىسى:] ④ ۋاقىت مەنىسىدىكى بەزى سۆزلەر بىلەن كېلىپ سۆز بولۇۋاتقان ۋەقە، ھادىسە ياكى نەرسىنىڭ ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ياكى كۆزدە تۇتۇلغان ۋەقە، ھادىسە ياكى نەرسە بىلەن بىر ۋاقىتتا سادىر بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] شۇ كەمگىچە ئۇ بىر قېتىممۇ كۆرۈنمىدى.

شۇپۇڭ

  • شۇپۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تومراق چىۋىق:[مىسال:] ئۇ دائىم قولىدا شۇپۇڭ تۇتۇۋېلىپ، دەريا بويىدا كالا بېقىپ يۈرەتتى.

شۇپۇڭدىماق

  • شۇپۇڭدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شۇپۇڭ بىلەن ئۇرماق:[مىسال:] -ھېلى داداڭ شۇپۇڭدايدۇ، جۇمۇ غەلۋە قىلماي تالاغا چىقىپ ئوينا، يۈگۈر، -دېدى مايسەم ئوغلىنىڭ قولىقىنى چىمدىپ.

شۇجى

  • شۇجى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] پارتىيە، ئىتتىپاق ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىم كەنت پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغانىدى.

شۇجىلىق

  • شۇجىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇجىغا يۈكلەنگەن خىزمەت، ۋەزىپە:[مىسال:] ھامىدىن دېگەن 15 يىل كەنتتە شۇجىلىق قىلغان.

شۇدلۇق

  • شۇدلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان، بىر ئىشنى يولىدا قىلالايدىغان؛ قابىلىيەتلىك.

شۇر

  • شۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① سۇيۇق نەرسىلەرنىڭ تېز ئېقىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز. [يەشمىسى:] ② بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدا سۇيۇق نەرسىلەرنىڭ تېز ئاققىنىغا ئوخشاش ھېس قىلىنغان سېزىم:[مىسال:] سابىرنىڭ مېڭىسىدىن بىر خىل دەھشەتلىك تۇيغۇ شۇر قىلىپ ئۆتتى-دە، ۋۇجۇدىنى مۇزدەك تەر بېسىپ كەتتى.

شۇررىدە

  • شۇررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇر قىلغان ھالدا، شۇر قىلىپ؛ ناھايىتى تېز:[مىسال:] يۈرىكىم شۇررىدە ئېقىپ كەتكەندەك بولدى.

شۇرقىراتماق

  • شۇرقىراتماق[يەشمىسى:] «شۇرقىرىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شۇرقىرىماق

  • شۇرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شۇر قىلماق، ئادەمدە «شۇر» قىلغاندەك سېزىم پەيدا قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ تېنى شۇرقىراپ، پېشانىسىدىن پۇرقىراپ تەر چىقتى.

شۇرۇق

  • شۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئۇزۇن تاياقچە. [يەشمىسى:] ② سۇ تەكتىدىكى يەر يۈزىگە سانجىپ، كېمىنى ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن، قالقانسىز تاياقچە.

شۇغۇللاندۇرماق

  • شۇغۇللاندۇرماق[يەشمىسى:] «شۇغۇللانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شۇغۇللاندۇرۇلماق

  • شۇغۇللاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «شۇغۇللاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

شۇغۇللانماق

  • شۇغۇللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەپىلەشمەك، مەشغۇل بولماق:[مىسال:] خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللانماق. تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماق.

شۇغىنىسى

  • شۇغىنىسى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «بىراق، لېكىن، ئەمما، ئەپسۇس» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىدە ئىشلىتىلىپ جۈملىدە باغلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ:[مىسال:] ئۇ يىگىتقۇ ياخشى بالىكەن، شۇغىنىسى بەك ياۋاشتەك قىلىدۇ.

شۇڭ

  • شۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەك (ئۈزۈم تېلى)نىڭ غولىدىن ئۆسۈپ چىققان شاخلار:[مىسال:] باراڭغا ئېلىنغان ئۈزۈم شۇڭلىرى ھويلىغا قويۇق سايە تاشلاپ تۇراتتى.

شۇڭا

  • شۇڭا[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇڭلاشقا» دېگەن مەنىدە سەۋەب باغلىغۇچى رولىدا سەۋەب بېقىندى جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىدۇ:[مىسال:] -ئانام تويغا كەتكەنىدى، شۇڭا دادام بىلەن كېتىپ بارىمەن، -دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم.

شۇڭغۇتماقⅠ

  • شۇڭغۇتماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر خىل يېمەكلىك. قوناق ئۇنىدىن يۇغۇرۇلغان خېمىر ياڭاق چوڭلۇقىدا ئۈزۈلۈپ، ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنغاندىن كېيىن شورپىغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.

شۇڭغۇتماقⅡ

  • شۇڭغۇتماقⅡ[يەشمىسى:] «شۇڭغۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدىكى ئوتلۇق ئىستەكلەر ئۇلارنى ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ بىر دولقۇنىدىن يەنە بىر دولقۇنىغا تارتىپ كۈچلۈك شۇڭغۇتۇشقا باشلىغانىدى.

شۇڭغۇتۇلماق

  • شۇڭغۇتۇلماق[يەشمىسى:] «شۇڭغۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

شۇڭغۇشماق

  • شۇڭغۇشماق[يەشمىسى:] «شۇڭغۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دولقۇنلار ئەتراپقا چاچىدۇ ئۈنچە، ياقۇت قىرغاقلارغا كۆكسىنى ئۇرۇپ. ئېھ، قانداق كۆڭۈللۈك دەريا سەيلىسى، بېلىقلار ئوينىشار ھەريان شۇڭغۇشۇپ.

شۇڭغۇماق

  • شۇڭغۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇ، ھاۋا (بوشلۇق) قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە ئېتىلىپ كىرمەك ياكى شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقماق:[مىسال:] ئۇ: خاتىرجەم بولۇڭ، پالتىڭىزنى مەن سۈزۈپ بېرەي، دەپتۇ دە، سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپلا كۆزدىن غايىب بوپتۇ.

شۇڭقار

  • شۇڭقار[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۈركۈت تىپىدىكى ناھايىتى كۈچلۈك، يىرتقۇچ ئوۋچى قۇش:[مىسال:] پاقىنىىڭ بەختىدىن شۇڭقارنىڭ شورلۇقى ئەلا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باتۇر، قەھرىمان، مەرد، پالۋان:[مىسال:] سىيىتئاخۇن — سىيىت گاڭگۇڭ، جېنىدىن جۇدا بولدى. ئەزىزانە قەشقەرنىڭ شۇڭقارى ئادا بولدى.

شۇڭلاشقا

  • شۇڭلاشقا[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] شۇنداق بولغاچقا، شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇ سەۋەبلىك، شۇنىڭغا ئاساسەن:[مىسال:] -سىزنى بەك سېغىندىم، شۇڭلاشقا كەلدىم، -دېدى ئۇمۇ چاقچاق قىلىپ كۈلۈپ.

شۇلتا

  • شۇلتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىدە كرىستاللاشقان ئون دانە سۇ مولېكۇلىسى بولغان ناترىي كاربونات. رەڭسىز كرىستال ھالىتىدە بولۇپ، يۇيۇش دورىسى قىلىنىدۇ ۋە ئېچىغان ياكى بولدۇرۇلغان خېمىردىكى ئاچچىق تەمنى يوقاتقۇچى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

شۇلۇق

  • شۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقلارنىڭ چايقىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

شۇلۇق-شۇلۇق

  • شۇلۇق-شۇلۇق[يەشمىسى:] «شۇلۇق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شۇلۇقلىماق

  • شۇلۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شۇلۇق-شۇلۇق» ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] نېمىسىنى دەيسىز، بىردەمدە ھەممىسى شۇلۇقلاپ پىشتى.

شۇم

  • شۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قولىدىن ھەرقانداق ئەسكىلىك كېلىدىغان؛ نىيىتى بۇزۇق، ئەسكى، يارىماس، بۇزۇق:[مىسال:] قانداقسىغا بۇ شۇم ئوغرى سىزنىڭ ئۇقۇغۇچىڭىز بولىدۇ، سورىدى ئۇ ھەيرانلىق بىلەن.[يەشمىسى:] ② بەختسىزلىك كەلتۈرىدىغان، ئادەمگە ھالاكەت، پاراكەندىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغان، ئادەمدە ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان:[مىسال:] ھېلىقى شۇم قۇيۇن بۇغراجان بىلەن مەغپىرەتخان ئاچىنى ھاياتلىق دۇنياسىدىن ئۇچۇرۇپ ئەكەتتى.[يەشمىسى:] ③ بەختسىز، پالاكەت باسقان، نەس باسقان، قايغۇلۇق:[مىسال:] قۇم يەر — شۇم يەر (ماقال).

شۇم ئاياغ

  • شۇم ئاياغ[يەشمىسى:] باسقان قەدىمى بىرەر بەختسىزلىك، پالاكەتكە سەۋەب بولىدىغان، پالاكەت:[مىسال:] ھەي شۇم ئاياغ ئاغمىخان، ئېيت، قاچماقچى سەن قايان

شۇمبا

  • شۇمبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تەتۈر قويغان تۇخۇمغا ئوخشايدۇ، گۈلى ئاق، چوكا مېۋىسى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن كېلىدۇ. غولى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقىدىن ئاروماتىك مايلارنى ئالغىلى، ئۇرۇقىنى دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

شۇمبۇيا

  • شۇمبۇيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شۇم+بۇيا[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شۇمبۇيا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. قوغۇن-تاۋۇزلارغا زىيانلىق، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى تېبابەتچىلىكتە قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا زىيان سالىدىغان ھەمدە پارازىت، تىرىكتاپلارچە ھايات كەچۈرىدىغان كىشى، زىيانداش، تىرىكتاپ:[مىسال:] دوزىخى ئۆتمۈش ئىدى ئەل بېشىدا زۇلمەت زامان، ئاچمىغان بەختىڭ چېچەك باسقان جاھاننى شۇمبۇيا.

شۇمبۇيىلىق

  • شۇمبۇيىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① شۇمبۇيا ئۆسكەن، شۇمبۇيا كۆپ يەر. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارا نىيەتلىك، ئەسكىلىك، يامانلىق:[مىسال:] سەن بۇ ئىشقا شۇمبۇيىلىق قىلما، دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن.

شۇمپەن

  • شۇمپەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى، قاتىل:[مىسال:] ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ، شۇمپەندەك قورقۇنچلۇق ھالەتتە ئولتۇراتتى.

شۇمتال

  • شۇمتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شۇم+تال[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كەركىدانگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچى سارغۇچ ئاق زىچ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن قېيىق، ئۆي جاھازلىرى، ھارۋا قاتارلىقلار ياسىلىدۇ.

شۇمتەك

  • شۇمتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناھايىتى شوخ، غەلۋىچى بالا؛ قىلمىشى يامان، پاراكەندىچىلىك تېرىيدىغان بالا:[مىسال:] ئاشۇ شەھەردىكى ئون نەچچە ياشلىق شۇمتەكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ.

شۇمقۇش

  • شۇمقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شۇم+قۇش[[يەشمىسى:] ① ھۇۋقۇش. [يەشمىسى:] ② پالاكەت ئەكەلگۈچى، شۇملۇق تېرىغۇچى، بالا-قازا تېرىغۇچى:[مىسال:] «قايسى شۇمقۇش ئۇنى مۇشۇ كوچىغا باشلىدىكىن...» رەھمەتجان ئويلىنىپ قالدى.

شۇملۇق

  • شۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا يامانلىق، قارانىيەتلىك قىلىدىغان، بالا-قازا تىلەيدىغان مىجەز، شۇنداق خاراكتېر:[مىسال:] چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق (ماقال).

شۇنچە

  • شۇنچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇنچىلىك، شۇ قەدەر، شۇ دەرىجىدە:[مىسال:] پاھ، قارا، بۇنىڭ شۇنچە چوڭ بولۇپ كەتكىنىنى دېدى ئۇ ئوغلۇمنى قولىغا ئېلىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىق، كۆپ، ئاز بولمىغان:[مىسال:] شۇنچە ئەلنىڭ ئارىسىدا، ئۇنى بىرلا كۆرگەنىدىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] شەرت بېقىندى جۈملىنىڭ بېقىنغۇچى تەركىبىدە كېلىپ، بېقىندۇرغۇچى تەركىبتە ئاشكارىلانغان مىقدارغا تەڭ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭدا قانچە تال ئالما بولسا، مەندىمۇ شۇنچە تال ئالما بار ئىدى.

شۇنچىزا

  • شۇنچىزا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «شۇنچىۋالا»غا قاراڭ:[مىسال:] شۇنچىزا سۆزلەپ كەتكۈدەك نېمە ئىش بولدى، ھە دېدى مومام ئانامغا كايىپ.

شۇنچىكى

  • شۇنچىكى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئازراق، ئازغىنە؛ مۇنداقلا:[مىسال:] ئالدىغا شۇنچىكى يۆتكىسەك بولدى ئەمەسمۇ دېدى ئوغلىنىڭ دىتسىزلىقىدىن رەنجىگەن بوۋاي.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىغان، ئەرزىمەس؛ ئادەتتىكى، ئاددىي:[مىسال:] شۇنچىكى گەپكە نېمانچە چېچىلىپ كېتىسەن دېدى دادام ئاكامغا ھاي بېرىپ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەي، ئويناشقاندەك:[مىسال:] بەزىدە شۇنچىكى دەپ قويغان گېپىڭمۇ بىرمۇنچە پالاكەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

شۇنچىلىك

  • شۇنچىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇ قەدەر، شۇ دەرىجىدە، شۇنچە، شۇنچىۋالا:[مىسال:] ئۇنىڭ ئابدۇللاغا دەيدىغان گېپى شۇنچىلىك جىق ئىدىكى، ھەرقانچە يازسىمۇ تۈگىمەيتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزى ئېنىقلاپ كەلگەن ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنى، مىقدار، ھەجىم، دەرىجە، خۇسۇسىيەت ۋە ھالەت قاتارلىق جەھەتلەردىن تۆۋەنلىتىپ ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئوغلىمىزنىڭ ھالىمۇ شۇنچىلىك، قىزلار ياراتمايۋاتسا قانداق قىلغۇلۇق كۆڭۈل دېگەنگە بىرنېمە دەپ بولمايدۇ.

شۇنچىۋالا

  • شۇنچىۋالا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇ قەدەر، شۇ دەرىجىدە، شۇنچە:[مىسال:] ئۇنىڭ پىكىر دائىرىسى شۇنچىۋالا كەڭرى ۋە نازۇك بولۇپ، كىشى قەلبىنىڭ ئەڭ زىل تارلىرىنى چېكەلەيتتى.

شۇندا

  • شۇندا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇ چاغدا، ئاشۇ ۋاقىتتا، شۇ مەزگىلدە:[مىسال:] قېنى ئەسكە ئېلىڭ شائىر، ئۇزاق يىل بىز ئەلەم تارتتۇق، بوغۇلدى ئەركىمىز شۇندا، بۇرۇقتۇرما ئىلكىدە ياتتۇق.

شۇنداق

  • شۇنداق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئېيتىپ ئۆتۈلگەن، كۆزدە تۇتۇلغاندەك، كۆز ئالدىدىكىدەك، ئاشۇنداق:[مىسال:] تاشۋاي ئاكاڭ ماڭماقچى، مەن گۆش، سەۋزە تېپىپ كېلىپ، ئۆز قولۇم بىلەن پولۇ ئېتىپ بېرەي. بىزنىڭ ئاخىرقى خوشلىشىشىمىز شۇنداق ئۆتسۇن، دېدى سالىخ ئاكا قىزى گۈلچېھرىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېيتىلغان ياكى كۆزدە تۇتۇلغان تەرتىپتە؛ شۇ بويىچە، شۇ تەرتىپتە، شۇ تەرزدە:[مىسال:] كۆپچىلىك: «شۇنداق قىلايلى»دىيىشىپ، لەيلىگۈلنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ③ تەستىقلىغۇچى جاۋاب ئورنىدا قوللىنىلىپ «ھەئە، توغرا، ئەلۋەتتە، دېگىنىڭ راست» دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە دەمدۇلا شۇنداق.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇ قەدەر، شۇنچىلىك:[مىسال:] شۇ دەرىجىدە ئۆتتى كۆپ يىللار شۇنداق قايغۇدا، شۇنداق ئازابتا، بىزنىڭ بۇ باشتىن، ئەمما تاپمىدۇق ھەم تاپالمىدۇق، ھېچبىر يورۇق يول، يىغلاپ قاقشاشتىن.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئادەتتىكىدەك، باشقىچە، شۇ دەرىجىدە:[مىسال:] ئۇ شۇنداق قارىسا، بىر چىرايلىق قىز كېلىۋاتقۇدەك.

شۇنداق قىلىپ

  • شۇنداق قىلىپ[يەشمىسى:] سۆزلىنىۋاتقان ئىش-ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى ئىپادىلەنگەن جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ «ئاخىر، ئاقىۋەت»، دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] كۈندۈزدە ئۆزىمىزنى يوشۇردۇق، تۈندە يول يۈردۇق، شۇنداق قىلىپ، سالامەت ھالدا يۇرتقا بېرىۋالدۇق.

شۇنداقتا

  • شۇنداقتا[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] شۇنداق بولغاندا؛ شۇ ھالدا:[مىسال:] -پالۋانلارغا ئېيت، ھەربىرى بەش تالدىن ئوق بەرسۇن، شۇنداقتا بىرنەچچە يۈز تال ئوق چىقىپ قالىدۇ، -دېدى ھاجى مىرولغا قاراپ.

شۇنداقلا

  • شۇنداقلا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە:[مىسال:] ئوسمانجان بىلەن ئابلىكىم ساۋاقداش، شۇنداقلا خىزمەتداش بولغاچقا، بىر-بىرىگە ئىشىنەتتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئادەتتىكىدەك، ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، بۇ نېمە ئاۋارىچىلىك، شۇنداقلا كېلىۋەرمەي، بىز تونۇمايدىغان، بىلمىگەن ئادەملەرمۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] شۇنىڭغا ئوخشاش، شۇنىڭغا ئوخشاشلا:[مىسال:] ئۇ نىزامىدىننىڭ سۆزلىرىگە قانداق قايىل بولسا، نادەمنىڭ سۆزلىرىگىمۇ شۇنداقلا ئىنتايىن رازى بولغانىدى.

شۇنىسى

  • شۇنىسى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] شۇنداق بىر يېرى، شۇ يېرى:[مىسال:] شۇنداق، دەپ جاۋاب بەردى باتۇر تاغا، لېكىن شۇنىسى باركى، سارايغا تۇشلۇق ئادەم يوق-دە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] شۇنداق بولغىنى:[مىسال:] ئاتا، مېنى كەچۈرگىلىرى كەلمىسە، قىلىچ ئەكەلدۈرۈپ، كاللامنى ئالسىلا، شۇنىسىلا تۈزۈك، -دېدى ئۇ. ف[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] لېكىن، بىراق، ئەمما:[مىسال:] مەن ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق ئاجايىپ بىرچاغلارنىڭ يېقىنلا كېلىپ قالغانلىقىنى سەزگەنىدىم، شۇنىسى، بۇ مىنۇتلار بۈگۈن مېنىڭ كۆز ئالدىمغا راستتىنلا كەلگەندە بولسا، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.

شۇۋ

  • شۇۋ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم سىرتقى تەسىردىن ئادەمنىڭ بىرەر ئىچكى ئەزاسى ياكى ۋۇجۇدىدا ھاسىل بولغان، سەسكىنىش، شۈركۈنۈش ھالىتى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى پوتەيگە چۈشتى-دە، يۈرىكى شۇۋ قىلىپ ئويناپ كەتتى.

شۇۋۇلداتماق

  • شۇۋۇلداتماق[يەشمىسى:] «شۇۋۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن نازۇك تەرەپلەرنى، شۇۋۇلدىتىدىغان ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن، دېدى خاسىيەت.

شۇۋۇلدىماق

  • شۇۋۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شۇۋ قىلماق، شۇۋ قىلىپ قالماق:[مىسال:] شۇۋۇلداپ كەتمەك.

شۆبە

  • شۆبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر تەشكىلات ياكى ئورگاننىڭ تارمىقى:[مىسال:] ئۇ شىنجاڭ ھەربىي رايونى قەشقەر شۆبىسىنىڭ باش سىياسىي كومىسسارى بولغانىدى.

شۆپۈك

  • شۆپۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېۋە-چېۋىنىڭ پوستى:[مىسال:] كېنىزەك ئۇنىڭغا ياستۇقمۇ، مېۋىمۇ، شۆپۈكمۇ، ئىشقىلىپ، نېمە ئۇچرىسا شۇنى ئېتىپتۇ.

شۆپۈكدەشمەك

  • شۆپۈكدەشمەك[يەشمىسى:] «شۆپۈكدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شۆپۈكدىمەك

  • شۆپۈكدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شۆپۈكىنى سويماق، شۆپۈكىنى ئايرىپ چىقىرىۋەتمەك:[مىسال:] شاپتۇل خۇددى دېگەندەك: «مېنى يەڭلەر شۆپۈكدەپ»، چۈشەر ئاجراپ شېخىدىن تۇرۇپ-تۇرۇپ تورۇكلاپ.

شۆپۈكسىز

  • شۆپۈكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۆپۈكى يوق، پوستسىز:[مىسال:] شۆپۈكسىز نەرسە.

شۆپۈكلۈك

  • شۆپۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۆپۈكى بار، پوستلۇق:[مىسال:] ئاممىۋى سورۇنلاردا شۆپۈكلۈك نەرسىلەرنى يېيىش مەدەنىيەتسىزلىك.

شۆلگەي

  • شۆلگەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] رېفلېكس تەسىرىدە ئېغىز بوشلۇقىدا پەيدا بولىدىغان سۇيۇقلۇق، شال:[مىسال:] شۆلگەي بېزى.

شۆھرەت

  • شۆھرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ياخشىلىق بىلەن خەلقنىڭ ئىچىدە ئېرىشىلگەن نام-ئابرۇي، ئىناۋەت؛ ئاتاق، داڭق:[مىسال:] شۆھرەت تاپماق. شۆھرەت قازانماق. *شائىرنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپ بىر كۆرۈش ئارزۇسىدا بولغانلار كۆپ ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

شۆھرەتپەرەس

  • شۆھرەتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەل ئارىسىدا نام چىقىرىپ شۆھرەت تېپىشقا تىرىشىدىغان، ئۆز ئىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان؛ ماختانچاق:[مىسال:] تەكەببۇر ۋە شۆھرەتپەرەس بولغان بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەمىشە خىزمەت ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى قويىدۇ.

شۆھرەتپەرەسلىك

  • شۆھرەتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۆھرەتكە قىزىقىدىغان ئادەت، خاراكتېر:[مىسال:] ئايالىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى، رەھىمسىزلىكىگە قارشى بۇرۇنراق بىرەر چارە-تەدبىر تېپىش لازىم ئىكەن، ھەي ئىسىت

شۆھرەتلىك

  • شۆھرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۆھرىتى بار، شۆھرەتكە ئىگە، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مەشھۇر، داڭلىق:[مىسال:] ئەي شۆھرەتلىك مەلىكەم، مېنىڭ ھۈنىرىم قۇل ئېلىپ، قۇل سېتىش، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شاھ بەھرام.

شۆيۈەن

  • شۆيۈەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئىنستىتۇت»قا قاراڭ.

شۈبھە

  • شۈبھە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىشەنمەسلىك، گۇمانسىراش، گۇمان، شەك:[مىسال:] رەپىق ئاكا باخشىغا شۈبھە بىلەن تىكىلدى.

شۈبھىچى

  • شۈبھىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە، مەسىلىگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان ياكى تازا ئىشەنمەيدىغان كىشى؛ گۇمانلانغۇچى:[مىسال:] بەزى شۈبھىچىلەر «بۇ ۋەزىپە خام-خىيالدىنلا ئىبارەت، ئۇنى ئورۇندىغىلى بولمايدۇ» دېيىشمەكتە.

شۈبھىچىلىك

  • شۈبھىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە، مەسىلىگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان، ئىشەنمەيدىغان ھالەت، گۇمانلىنىش مىجەزى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن، ئۇنى بىلگىلى بولىدىغانلىقىدىن شۈبھىلىنىدىغان بىر خىل پەلسەپىۋى تەلىمات:[مىسال:] نىسپىيچىلىكنى بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسى قىلغاندا، ئۆزىنى يا مۇتلەق شۈبھىچىلىككە، بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسىگە ۋە كاززاپلىققا، يا سۇبيېكتىپچىلىققا قويۇشى مۇقەررەر.

شۈبھىسىز

  • شۈبھىسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھېچقانداق شۈبھە تۇغدۇرمايدىغان، شەكسىز، گۇمانسىز؛ مۇقەررەر، سۆزسىز:[مىسال:] ئۇلار ئالماسنىڭ سۆزىگە شۈبھىسىز ئىشىنەتتى.

شۈبھىلەندۈرمەك

  • شۈبھىلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «شۈبھىلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بەزىدە جىمجىتلا ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىشلىرى مېنى شۈبھىلەندۈرۈشكە، ئويلاندۇرۇشقا باشلىغانىدى.

شۈبھىلەنمەك

  • شۈبھىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شۈبھە قىلماق، گۇمانلانماق، ئىشەنچسىزلىك بىلەن قارىماق:[مىسال:] ئۇ ياغاچچى يىگىتتىن راستتىنلا شۈبھىلىنىپ قالدى.

شۈبھىلىك

  • شۈبھىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۈبھە، گۇمان تۇغدۇرىدىغان، ئىشىنىپ بولمايدىغان، گۇمانلىق:[مىسال:] مەن شۈبھىلىك كۆزلىرىم بىلەن ئايالىمغا تىكىلدىم.

شۈبھىلىنىشمەك

  • شۈبھىلىنىشمەك[يەشمىسى:] «شۈبھىلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىن ھەممەيلەن شۈبھىلىنىشمەكتە ئىدى.

شۈدە

  • شۈدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماي سۈرتۈلگەن جايغا توپا قونۇپ ھاسىل بولغان قاسماق، كىر:[مىسال:] غوپۇر ئاخۇن شۈدە باسقان كىچىككىنە بىر چىشلىق چاقنى ئوققا بۇراپ كىرگۈزۈش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتاتتى.

شۈدىگەر

  • شۈدىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئاغدۇرۇلغان ياكى ئاغدۇرۇپ، تېرىلماي ئاپتاپقا سېلىنغان يەر:[مىسال:] بىر بالاسى بولمىسا، شۈدىگەردە قۇيرۇق نە قىلۇر (ماقال).[يەشمىسى:] ② كۈز پەسلىدە، يەرنى ئاپتاپقا سېلىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئاغدۇرۇش، چېپىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار:[مىسال:] بۇ كۈزلۈك شۈدىگەر بولۇپ، كېلەر يىللىق مول ھوسۇلنىڭ ئاساسلىق كاپالىتى ئىدى.

شۈركۈندۈرمەك

  • شۈركۈندۈرمەك[يەشمىسى:] «شۈركۈنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ۋىژىلداپ چىقىۋاتقان سوغۇق شامال بويۇن، يەڭ ئارقىلىق كىرىپ پۈتۈن بەدەننى شۈركۈندۈرەتتى.

شۈركۈنمەك

  • شۈركۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جۇغۇلداپ تىترىمەك، ئەندىكىش ئىچىدە سىلكىنىپ تەۋرەنمەك، سەسكەنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بەدىنى سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك شۈركۈنۈپ رەڭگى تاتىرىپ كەتتى.

شۈرمەل

  • شۈرمەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتىيازدا دەريا ياكى ئېرىق-ئۆستەڭلەردە ئاققان مۇز:[مىسال:] قولۋاق دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا لەپەڭشىپ، شۈرمەللەرگە ئۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى.

شۈك

  • شۈك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① جىم، تىنچ، ئۈن-تىن چىقارماي ھەم ھەرىكەت قىلماي؛ غەلۋە-غودۇر قىلماي:[مىسال:] شۈك ئولتۇرماق. * ئۇ تولىمۇ كەپسىز بولۇپ بىر دەممۇ شۈك تۇرمايتتى.[يەشمىسى:] ② بۇيرۇق سۈپىتىدە «جىم تۇر، تىنچلان» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۈك دېدىم شۈك دېدى نۇرمەت ئەكرەمنىڭ ئاغزىنى توسۇپ.

شۈكرانە

  • شۈكرانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئېھتىياجلىق نەرسىگە ئىگە بولغانلىق يۈزىسىدىن بىلدۈرۈلگەن مىننەتدارلىق، تەشەككۈر، مەمنۇنىيەت، رەھمەت:[مىسال:] مەن بۇنىڭ شۈكرانىسىغا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ دۇئا قىلدىم.

شۈككىدە

  • شۈككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۈك بولغان ھالدا، شۈك ھالەتتە، مىدىرلىماي ھەم ئۈن چىقارماق:[مىسال:] ھەممەيلەن بىرپەس شۈككىدە ئولتۇرۇپ قېلىشتى.

شۈكلەشمەك

  • شۈكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شۈكلىمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر بىرقانچە كۈندىن بېرى شۈكلىشىپ كەتتى.

شۈكلىمەك

  • شۈكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپ-سۆز قىلماي، شۈك بولۇپ قالماق:[مىسال:] بۇ شۇم خەۋەر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن موماي شۈكلەپ كەتتى.

شۈكۈر

  • شۈكۈر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن رازى، مىننەتدار بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ «رەھمەت، تەشەككۈر» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] راستمۇ، خۇداغا شۈكۈر، بۇ يىل شۇ بالامنى ئۆيلىۋالسام مېنىڭمۇ غېمىم تۈگەيتتى. دېدى ئامىنىخان.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

شۈكۈر قىلماق

  • شۈكۈر قىلماق[يەشمىسى:] ھازىرقى ئەھۋالىغا قانائەت قىلماق؛ رازى بولماق، مىننەتدار بولماق:[مىسال:] ھا، ھا، ھا... ئۇنداق بولسا، بىز شۈكۈر قىلساق بولغۇدەك.

شۈكۈر-سانا

  • شۈكۈر-سانا[يەشمىسى:] شۈكۈر ۋە سانا، تەشەككۈر ۋە مەدھىيە:[مىسال:] ھاتەم شۈكۈر-سانا ئېيتىپ، ئاۋاز كېلىۋاتقان جايغا يۈگۈردى.

شۈكۈرسىزلىك

  • شۈكۈرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانائەتسىزلىك؛ نەپسانىيەتچىلىك، نەپسى يامانلىق.

شۈكۈر-قانائەت

  • شۈكۈر-قانائەت[يەشمىسى:] شۈكۈر ۋە قانائەت:[مىسال:] شۈكۈر-قانائەت ھۇرۇنلارنىڭ دەسمايىسى، توختام سۇ بولۇپ قېلىشنىڭ ئامالى.

شۈكۈرلۈك

  • شۈكۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رازىلىق، مىننەتدارلىق:[مىسال:] يولىڭىزلاردا بېرىلگەن قۇربانلىقتىن تېتىپ كۆرۈش ۋە بۇ تۈپەيلى شۈكۈرلۈك بىلدۈرۈش ئۈچۈن بايرامغا تەنتەنە بىلەن كەلدىڭىزلەر.

شۈڭگەن

  • شۈڭگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] گومىنداڭ دەۋرىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئوفىتسېرى.

شۈڭگەنلىك

  • شۈڭگەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] شۈڭگەنگە يۈكلەنگەن خىزمەت، ۋەزىپە:[مىسال:] ساقچى زامانقۇلنى «ياراملىق ئىكەن» دەپ شۈڭگەنلىك ئىشىغا قويدى.

شۈلۈك

  • شۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە بېيىغان، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى خۇددى گۆشنى شىلغاندەك شىلىپ ئالىدىغان زومىگەر:[مىسال:] 20 نەچچە ئادەمنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر شۈلۈك شۇنچە ئەتىۋارلىق بولۇپ كەتتىمۇ ئۇنىڭغا يالغۇز مەنلا قارشى تۇردۇم.

شۈمەك

  • شۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بالىنى بۆشۈككە بۆلىگەندە كىچىك تەرەتنى كۈلتۈككە چۈشۈرۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدىغان ياغاچ ياكى سۆڭەكتىن تەييارلانغان كىچىك نوركەش:[مىسال:] بالىنى شۈمەك قويماي بۆشۈككە بۆلىسە سۈيدۈك يېيىۋېتىدۇ.[يەشمىسى:] ② يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنىڭ بىر نۇقتىدا ئايلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاستىنقى تاشقا ئورنىتىلغان ياغاچ.

شۈمدەكلىمەك

  • شۈمدەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شىمايلىماق، تۈرمەك.

شۈمدۈرمەك

  • شۈمدۈرمەك[يەشمىسى:] «شۈممەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شۈمشەيتمەك

  • شۈمشەيتمەك[يەشمىسى:] «شۈمشەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەل جېنىم، كەل سوغۇق شۈمشەيتىۋېتىپتۇ، ھە، دېدى ئانا بوۋىقىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئەركىلەتكەچ.

شۈمشەيمەك

  • شۈمشەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر سىرتقى تەسىردىن بەدەنلىرى قورۇلۇپ تۈگۈلۈپ قالماق:[مىسال:] ۋەسۋەسە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ سوغۇقتا شۈمشىيىپ ئولتۇرۇۋەردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناچار ھالەتتە قالماق، بىچارىلەشمەك، غەمكىن، مىسكىن بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئەتىدىن كەچكىچە شۈمشىيىپ ئولتۇرىمىزمۇ دېدى ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ، ئامال قىلايلى

شۈمشۈك

  • شۈمشۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاتلىق-تۇرۇم ياكى يېمەكلىكلەرنى ئوغرىلىقچە يەۋالىدىغان؛ گېلىغا ئامراق، ئاچ كۆز.

شۈمشىيىشمەك

  • شۈمشىيىشمەك[يەشمىسى:] «شۈمشەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قورالسىز چېرىكلەر قاتارغا تىزىلىپ شۈمشىيىشىپ تۇراتتى.

شۈممەك

  • شۈممەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شورىماق:[مىسال:] بەك ئۇسساپ كېتىپ بىئارام بولۇپ قالسا، مۇز پارچىسىنى شۈمۈپ تۇرۇش كېرەك.

شۈمۈشمەك

  • شۈمۈشمەك[يەشمىسى:] «شۈممەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شۋېد

  • شۋېد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى.

شېپى

  • شېپى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھىمايىچى؛ ۋاسىتىچى:[مىسال:] شېپى قىلماق. شېپى كەلتۈرمەك.

شېپىلىك

  • شېپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① شېپى بولۇش ئىشى، ھامىيلىق. [يەشمىسى:] ② ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقى:[مىسال:] شېپىلىك تالاشماق.

شېتىلە

  • شېتىلە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەييار، قۇۋ؛ شاللاق، شەيتان:[مىسال:] ئۇ ھەقىقەتەنمۇ چىراي جەھەتتە تەڭداشسىز، لېكىن شېتىلە، راھەتپەرەس ئىدى.[يەشمىسى:] ② شوخ، قىزىقچى:[مىسال:] ۋاي شېتىلە قىزىم، ۋاي ئەقلى بار قىزىم، قېنى ئۇسسۇلۇڭنى ئويناۋەر، كۆزۈم سەندە.

شېتىلىلىك

  • شېتىلىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇۋلۇق، شەيتانلىق، شوخلۇق:[مىسال:] دىلشات دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا بەزىدە ھاڭۋېقىپ ئولتۇرسا، بەزىدە شېتىلىلىك قىلىپ بالىلارنىڭ دىققىتىنى بۇزاتتى.

شېرىس

  • شېرىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يۇڭدىن توقۇلغان رەخت:[مىسال:] ئۇ شېرىستىن تىكىلگەن كاستۇم كىيىۋالغانىدى. ∥ قىزنىڭ شېرىس ياغلىقى ئۆزىگە بەكمۇ ياراشقانىدى.

شېرىك

  • شېرىك[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، كەسىپتە ھەمكارلىشىپ، ياردەملىشىپ بىرگە ئىشلەيدىغان، بىرەر نەرسىنىڭ پايدا-مەنپەئىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان كىشىلەر (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] ساۋۇتجاننىڭ بۇ يېڭى ھۈنىرىگە يېڭى شېرىكمۇ تېپىلدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ھەمكارلاشقان، ياردەملەشكەن:[مىسال:] ئۇنىڭدا شېرىك كارخانىلارنىڭ دۆلەت پىلانىغا بويسۇنۇشى لازىملىقى ۋەھاكازالار بەلگىلەنگەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ياكى غەم-قايغۇسىغا ئورتاقلاشقۇچى ئادەم ياكى باشقا نەرسە:[مىسال:] قىز-يىگىتلەرنىڭ رىشتىدۇر تارىڭ، شادلىققا، غەمگە شېرىك ئاۋازىڭ، مەپتۇن قىلدى بۇلبۇلنى سازىڭ، شۇڭا يۇقىرى شۆھرىتىڭ-شانىڭ. دېگىنى ئەمەلىيەتتە بىر قۇرۇق سەپسەتە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈلپەت، دوست:[مىسال:] ئالاھىدىن: ماڭا ئايدەك ئاق 48 كېنىزەك قۇل يەتكۈز، ئۇلار مېنىڭ شېرىكلىرىم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يىگىرمە تۆتى ئالدىمدا، يىگىرمە تۆتى كەينىمدە ماڭىدىغان بولسۇن، — دەپتۇ.

شېرىكلەشمەك

  • شېرىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىش ياكى بىرەر پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئىشلىمەك، باشقىلارغا قوشۇلماق:[مىسال:] ئۇكام بۇ دۇكاننى شېرىكلىشىپ ئاچقانىدۇق، سودىمىز ياخشى بولۇۋاتىدۇ.

شېرىكلىك

  • شېرىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سودا-سېتىق، ئىش-ھەرىكەت ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ياكى بىرلىشىش مۇناسىۋىتى، شېرىكچىلىك:[مىسال:] ئادىل بىلەن رەيھانەم ماتېرىيال ئوغرىلاشتا شېرىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. بۇنداق شېرىكلىك ئۇلارنىڭ ئۆز ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

شېرىن

  • شېرىن[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] تاتلىق، مەززىلىك، لەززەتلىك، شىرنىسى كۈچلۈك، شىرىلىك (مېۋە-چېۋە، قەنت-شېكەر قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭغا شۇنداق بىر ئۆستەڭ ئۇچرىدىكى، تاشلىرى مەرۋايىت، سۈيى ھەسەلدىن شېرىن، سۈتتىنمۇ ئاق ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەمگە خۇشياقىدىغان، ھۇزۇر بېغىشلايدىغان، كىشىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان:[مىسال:] شېرىن سۆھبەت. شېرىن تۇيغۇ. * بۇ كېچە رۇقىيەم ئۈچۈن توي كېچىسىدىن بۇيانقى ئەڭ شېرىن كېچە بولدى.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

شېرىن ئاي

  • شېرىن ئاي[يەشمىسى:] توينىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى:[مىسال:] شېرىن ئاينى ئۆتكۈزمەك.

شېرىنسۇخەن

  • شېرىنسۇخەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يېقىملىق گەپ قىلىدىغان:[مىسال:] ئۇ شۇنچىلىك شېرىنسۇخەن ئايال ئىدىكى، ئۇنىڭ بىرقېتىم سۆھبىتىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ قالاتتى.

شېرىن-شەربەت

  • شېرىن-شەربەت[يەشمىسى:] شېرىن-شېكەر.

شېرىن-شېكەر

  • شېرىن-شېكەر[يەشمىسى:] ناھايىتى تاتلىق، بەكمۇ شېرىن:[مىسال:] سايراپ تۇرغان بۇلبۇلدەك شېرىن-شېكەر سۆزلىرى، ھېچ كىشىگە كۆيمەپتىم، كۆيدۈرۇۋالغان ئۆزلىرى.

شېرىنكانە

  • شېرىنكانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] سودا-سېتىقتا ئوتتۇرىدا تۇرغان ۋاسىتىچى ياكى سالاچىغا بېرىلىدىغان ھەق، پۇل:[مىسال:] شېرىنكانە ئالماق. شېرىنكانە بەرمەك.

شېرىنلەشتۈرمەك

  • شېرىنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «شېرىنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شېرىنلەشمەك

  • شېرىنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەم كىرمەك، لەززەتلىك، تاتلىق بولماق، شىرنىسى كۆپەيمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ قورسىقى ئاچ بولغاچقا، قۇرۇق نان تولىمۇ شېرىنلىشىپ كەتكەندەك بىلىندى.

شېرىنلىك

  • شېرىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شېرىن ھالەت، لەززەتلىك تۇيغۇ:[مىسال:] «جېنىم...» دېگەن بۇ سۆز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدىغان ئاجايىپ بىر خىل شېرىنلىك پەيدا بولدى، كۆزلىرى تېخىمۇ خۇمارلاشتى.

شېزۇ

  • شېزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. بۇلار ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن فۇجيەن، جېجياڭ، جياڭشى ۋە گۇاڭدوڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە ئولتۇراقلاشقان.

شېشەⅠ

  • شېشەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختىدىن توقۇلغان رەخت، ماتا، خام.

شېشەⅡ

  • شېشەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەينەك:[مىسال:] يۈز تەڭگىگە چىنە ۋە شېشە قاچا ئالدىم.[يەشمىسى:] ② ئەينەك ياكى چاقچۇقتىن ياسالغان بوغۇزى تار بوتۇلكا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى:[مىسال:] نەدىكىنى ئاي دېگىنە، ئاي ئىشەنگىڭ كەلمىسە، شېشە بىلەن پېشانەڭگە «ۋاققىدە» بىرنى قوي-دە، قېنىڭنى ئېقىتىپ دوختۇرخانىغا چاپ.[يەشمىسى:] ③ لامپا، پانارلارنىڭ نۇرىنى يىغىش ۋە شامالدىن مۇداپىئە قىلىش رولىنى ئوينايدىغان ئەينەك بۇيۇم.

شېشىدان

  • شېشىدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شېشە قۇتىلىرى، گۈل قاچىلىرىنى تىزىپ قويىدىغان ياغاچ ساندۇق.

شېغىل

  • شېغىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ جىنسلىرىنىڭ سۇ ئېقىمى يالاپ، گىرۋەكلىرىنى سىلىقلىتىۋەتكەن ياكى يۇمىلاق، ياپىلاق شەكلىگە كەلتۈرۈپ قويغان پارچىلىرى، ئۇششاق تاشلار. دىئامېتىرى 10 — 100 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ، تەركىبىدە قۇم ۋە ھەر خىل ئارىلاشمىلار بولىدۇ. ئادەتتە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

شېغىللىق

  • شېغىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شېغىلى بار، شېغىل بىلەن قاپلانغان يەر:[مىسال:] بۇ يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى شېغىللىق، تېتىرلىق ئىدى.

شېكەر

  • شېكەر[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شېكەر قومۇشى ياكى قىزىلچىنىڭ شىرنىسىنى قايناتقاندىن كېيىن ئايرىلىپ چىققان قىيام ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان كرىستال جىسىم. دانىچىلىرى كىچىك ۋە قۇم دانىچىلىرىغا ئوخشايدۇ. تەمى تاتلىق كېلىدۇ. ئادەتتە ئاق شېكەر ۋە قارا شېكەر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تۇرمۇشتا ھەر ئىككى خىلى ئىستېمال قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شېرىن، تاتلىق، لەززەتلىك:[مىسال:] لەيلىنىڭ ۋەسلىگە يەتتىڭ بىر زامان مەجنۇن بولۇپ، ئۇل شېكەر لەۋ بولدى شېرىن سەن ئاڭا پەرھادى بول.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە ياقىدىغان، يېقىملىق:[مىسال:] تىلى شېكەر، ئىچى زەھەر (ماقال).

شېكەر سىيىش كېسەللىكى

  • شېكەر سىيىش كېسەللىكى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] سوزۇلما خاراكېرلىك بىر خىل كېسەل. كۆپىنچە ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى يېتەرسىز بولۇش، يېمەكلىكلەردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى نورمال بولماسلىق نەتىجىسىدە، بەدەندە ھاسىل بولغان گلۇكوزا سۈيدۈك ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا، ئىشتىھا بەك ئېچىلىپ كېتىش، دائىم ئۇسساش، سۈيدۈك كۆپىيىپ كېتىش، بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى دەخلىگە ئۇچرايدىغان، ھەتتا ھوشسىزلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.

شېكەر قومۇشى

  • شېكەر قومۇشى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۈۋرۈك ياكى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، بوغۇملۇق. سىرتى سىلىق، پارقىراق، سارغۇچ يېشىل ياكى سۆسۈن رەڭدە كېلىدۇ. غولىنىڭ تەركىبىدە قەنت ماددىسى بولىدۇ. ئادەتتە شېكەر ئىشلەشتە خام ئەشيا قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ غولى.

شېكەر قوناق

  • شېكەر قوناق[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوناقنىڭ بىر خىل سورتى. غول ئۈزىكىدە قەنت ماددىسى بولۇپ، تەمى تاتلىق كېلىدۇ. ئادەتتە خام يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

شېكەرسۈيى

  • شېكەرسۈيى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شېكەر+سۇ+يى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر خىلى. شەكلى يۇمىلاق ۋە چىلگىدىن چوڭ بولىدۇ، تەمى تاتلىق ھەم شىرنىلىك كېلىدۇ.

شېكەرشۈن

  • شېكەرشۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر خىلى، تەمى ناھايىتى تاتلىق:[مىسال:] گۈلنىڭ پۇرىقى ئۇرۇپ دىماغقا، بېرەر گۈزەللىك ئىسسىق تومۇزغا، چىلگە، شېكەرشۈن... يېرىپ يېگەندە، لەززەت بېرىدۇ تىلغا، قوۋۇزغا.

شېڭسەي

  • شېڭسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يەنى ئوسۇڭنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى. يوپۇرمىقى تار ھەم ئۇزۇن، گۈلى سېرىق كېلىدۇ. ئادەتتە يوپۇرمىقى كۆكتات قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى.

شېڭمۇ

  • شېڭمۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] خەنزۇ تىلىدىكى بوغۇمنىڭ بېشىدا كەلگەن ئۈزۈك تاۋۇش. خەنزۇ تىلىدا بوغۇملار شېڭمۇ بىلەن يۈنمۇدىن ياكى يالغۇزلا يۈنمۇدىن تۈزۈلىدۇ. بۇ سۆز يۈنمۇغا نىسبەتەن ئېيتىلغان.

شېھىت

  • شېھىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىن ياكى دىنىي مەزھەپلەرنىڭ غالىبىيىتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش-جەڭلەردە قۇربان بولغان، جېنىنى پىدا قىلغان شەخس:[مىسال:] شېھىت بولماق.[يەشمىسى:] ② ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان، ھەقىقەت يولىدا قۇربان بولغان كىشى:[مىسال:] شەپقەت ھەمشىرىلىرىمىزمۇ دۈشمەنگە قارشى كۈرەش مەيدانىدا شېھىت بولغان ۋەتەننىڭ قەھرىمان ئەزىز پەرزەنتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

شېھىتلىك

  • شېھىتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① شېھىت بولۇش ئىشى:[مىسال:] ھەي-ي... ئىسىت، يىگىتلىك چاغلىرىم بولىدىغان بولسا، ھاسا ئورنىدا ئاللىقاچان قىلىچ تۇتقان بولاتتىم. چېرىكلەرنىڭ قولىدا ھارام ئۆلگۈچە شېھىتلىك مۇقامىغا يېتەتتىم.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] زاراتگاھ، قەبرىستانلىق:[مىسال:] كونا شېھىتلىك ھازىرقى خاڭچىڭ كوچىسى بىلەن كىتابخانا ئارىلىقىدىكى دۆڭلۈكتە ئىدى.

شېۋە

  • شېۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىر مىللەتنىڭ ئورتاق تىلىنىڭ مەلۇم دائىرىگە، رايونغا خاس تارمىقى. ئادەتتە دىئالېكتتىن كىچىك بولىدۇ. دىئالېكتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەلۇم بىر رايون ياكى مەھەللىۋى تىلنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.

شېئىر

  • شېئىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ژانىرلاردىن بىرى، يەنى مەلۇم ۋەزىن ۋە قاپىيىلىك كىچىك تىپتىكى بەدىئىي ئەسەر. ئۇنىڭدا ئىجتىمائىي ھايات رىتىم، ۋەزىن، قاپىيىدىن ئىبارەت تىل ۋاسىتىسى ھەم باي تەسەۋۋۇر ۋە كۈچلۈك ھېسسىيات ياردىمى بىلەن ھەم ئىخچام، ھەم چۈشىنەرلىك قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. سۆزلەر ئوبرازلىق، يېقىملىق، ئاھاڭدار ۋە رىتىملىق بولىدۇ. شېئىرنىڭ ئادەتتە چاچما شېئىر، لىرىك شېئىر، ئېپىك شېئىر دېگەندەك ھەر خىل تۈرلىرى بولىدۇ.

شېئىرىي

  • شېئىرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شېئىر شەكلىدە يېزىلغان؛ شېئىرغا خاس، شېئىرغا ئوخشاش لىرىكلىق ۋە جۇشقۇن، جانلىق:[مىسال:] شېئىرىي داستان. شېئىرىي ئەسەر.

شېئىرىيەت

  • شېئىرىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① بىرەر مىللەت ياكى خەلقنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرىنىڭ يىغىندىسى؛ پوئېزىيە:[مىسال:] ئۇيغۇر شېئىرىيىتى. شېئىرىيەت خەزىنىسى.[يەشمىسى:] ② شېئىر يېزىش سەنئىتى:[مىسال:] ئۇ شېئىرىيەتتىن خەۋەردارلىقى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان نېغمەت خەلپىتىم دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ كۈنلەردە ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى قاتارىدا ئىدى.

شېئىرىيەتلىك

  • شېئىرىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شېئىرلاردا بولىدىغان، شېئىرلارغا خاس، شېئىرىي:[مىسال:] بۇ نەغمىلەرنىڭ مۇزىكىلىق، ئۇسسۇللۇق ۋە شېئىرىيەتلىك مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ تارىخىي مەنبەگە باي ئىكەنلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي-بەدىئىي قىممىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.

شى

  • شى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيە ئىچىدىكى شتات بىرلىكى. جۈن ياكى جىتۈەنجۈنگە قارايدۇ، تەركىبىدە بىرقانچە لۈي ياكى تۇەن بولىدۇ.

شىئە

  • شىئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام مەزھەپلىرىدىن بىرى، ئۇلار ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خەلىپىلىكنى داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك دەپ قارايدۇ.

شىبە

  • شىبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىگە؛ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ، يىشىيەن، فىڭچېڭ قاتارلىق جايلىرىغا ۋە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ فۇيۇ قاتارلىق جايلىرىغا ئولتۇراقلاشقان.

شىبەن

  • شىبەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] تاختا شەكلىدىكى تاش، ياپىلاق تاش، تاش تاختا:[مىسال:] پوجاڭزا ئاۋازىدىن شىبەن ياتقۇزۇلغان يەرمۇ تىترەپ كېتەتتى.

شىبلىت

  • شىبلىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئەرەنچە كۈزلۈك، ئەتىيازلىق ئاياغ.

شىبلىتلىق

  • شىبلىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىبلىتى بار، شىبلىت كىيگەن:[مىسال:] شىبلىتلىق بىراۋنىڭ قاتۇرۇلغان يولدا ماڭغان تىۋىشى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.

شىپⅠ

  • شىپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تورۇس»قا قاراڭ.

شىپⅡ

  • شىپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① ماڭغان چاغدا قەدەمنىڭ يەرگە يەڭگىل ۋە سىلىق چۈشۈشىدىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] نېرىقى ئۆيدە يېنىۋاتقان شامنىڭ نۇرى دېرىزىنىڭ يوچۇقىدىن پىلىلداپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئەمما «شىپ» قىلغان تاۋۇشمۇ ئاڭلانمايتتى.[يەشمىسى:] ② ماگنىتنىڭ ئۇششاق تۆمۈر پارچىلىرىنى ئۆزىگە تارتىش ھالىتى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ماگنىت بىر تال كىچىك يىڭنىنى شىپ قىلىپ تارتىۋالدى.

شىپا

  • شىپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كېسىلى ساقىيىش، كېسەلدىن خالاس بولۇش، ئوڭشىلىش:[مىسال:] شىپا تاپماق.[يەشمىسى:] ② ئادەمنى كېسەل ياكى دەرد-ئەلەمدىن خالاس قىلىدىغان، ئارامبەخشلىك ھېس قىلدۇرىدىغان نەرسە ياكى شۇ ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاسىتە، چارە-تەدبىر، ئامال؛ داۋا، دورا:[مىسال:] شىپا بولماق.

شىپابەخش

  • شىپابەخش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كېسەلگە داۋا بولىدىغان، سالامەتلىكنى ياخشىلايدىغان، شىپالىق:[مىسال:] ئۇ زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇستا تېۋىپلىرىدىن بولۇپ، شىپابەخش دورىلارنى يېنىدىن ئۈزمەيتتى.

شىپاخانا

  • شىپاخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «دوختۇرخانا»غا قاراڭ.

شىپاگەر

  • شىپاگەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېسەلنى ساقايتالايدىغان، داۋالىيالايدىغان، ئاغرىقنىڭ ياخشىلىنىشىغا چارە تاپالايدىغان:[مىسال:] شىپاگەر تېۋىپ كەلدى دېدى قىز پەردىنى قايرىپ سىرتقا قاراپ.

شىپاڭ

  • شىپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] باغ ۋە ھويلىلارغا سېلىنغان، تۆت ئەتراپى ئوچۇق، ئۈستى يېپىق، سەگىدەيدىغان ئورۇن.

شىپاڭلىق

  • شىپاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىپىڭى بار، شىپاڭ ياسالغان، شىپاڭ سېلىنغان:[مىسال:] شىپاڭلىق باغ. شىپاڭلىق ھويلا.

شىپالىق

  • شىپالىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شىپا بولۇش، شىپا تېپىش:[مىسال:] ۋاقىت ئۇنىڭغا بارغانسېرى شىپالىق بەخش ئېتىپ ئۆتمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىپا بولىدىغان، ئاغرىقنى ساقايتىدىغان؛ كېسەل ياكى ئاغرىقنىڭ ساقىيىشىغا سەۋەب ياكى داۋا بولىدىغان؛ كىشىنى غەم-ئەندىشە، روھىي ئازابتىن خالاس قىلىدىغان:[مىسال:] ئەركىلەتكۈچى ئىللىق ئاۋازلار تەسىر قىلدىمۇ ياكى شىپالىق دورىلار ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتىمۇ، ئەيتاۋۇر، قىز ئاستا-ئاستا كۆزلىرىنى ئاچتى.

شىپپاڭ

  • شىپپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۇ يانغا بىر، بۇ يانغا بىر، يېنىك تەۋرىنىش، پۇلاڭلاش ھالىتى (ئىت، مۈشۈكلەرنىڭ قۇيرۇقى ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ مىدىرلىشى ھەققىدە).

شىپپاڭ-شىپپاڭ

  • شىپپاڭ-شىپپاڭ[يەشمىسى:] «شىپپاڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بۆرە ئىتى قۇيرۇقىنى شىپپاڭ-شىپپاڭ قىلىپ ئىگىسىنىڭ يېنىغا كەلدى.

شىپپاڭلاتماق

  • شىپپاڭلاتماق[يەشمىسى:] «شىپپاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەڭگۈ سىزگە ھەمراھ بولىمەن، دەپتۇ مۈشۈك قۇيرۇقىنى شىپپاڭلىتىپ، ئۆلسىڭىز بىللە ئۆلىمەن، تىرىلسىڭىز بىللە تىرىلىمەن.

شىپپاڭلىتىشماق

  • شىپپاڭلىتىشماق[يەشمىسى:] «شىپپاڭلاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىپپاڭلىماق

  • شىپپاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىدىرلىماق، سىلكىنمەك، بىر ئۇ يانغا، بىر بۇ يانغا يېنىك تەۋرەنمەك، پۇلاڭلىماق (قۇيرۇق ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر ھەققىدە).

شىپپىدە

  • شىپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «شىپ» قىلىپ، «شىپ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] قامچا ئاۋازىدىن چۆچۈگەن ئاتلار بىردىنلا سەگەكلىشىپ، ئالدىغا شۇنداق تارتتىكى، ھارۋا خۇددى بىرى سىلىققىنا كۆتۈرۈپ ئېلىپ قويغاندەك، پاتقاقتىن شىپپىدە چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىردىنلا، دەرھاللا، ئۈن-تىنسىز، جىمجىتلا ياكى تۇيۇقسىزلا:[مىسال:] مېنىڭ كىرىشىم بىلەن پاراقلاپ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك، ئۇلار شىپپىدە جىمىپ قالدى.

شىپتۇر

  • شىپتۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەينەت، كىر، پاسكىنا، ناھايىتى كىرلىشىپ، مەينەتلىشىپ كەتكەن.

شىپ-شىپ

  • شىپ-شىپ[يەشمىسى:] «شىپⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] تۆت لاپ-لاپ، ئەگرى ساپلاپ، ئىككى دىڭ-دىڭ، بىر شىپ-شىپ، بۇ نېمە (تۆگە).

شىپشىر

  • شىپشىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زىچ، نۇرغۇن، كۆپ ھەم زىچ، مىغ-مىغ.

شىپقىماق

  • شىپقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۈرۈلۈپ يېقىنلاشماق، يېقىنلاپ كەلمەك:[مىسال:] قېنى، تازا شىپقا، ئاز قالدى، دېدى ئۇ تاقاقنى توغرىلاپ تۇرۇپ.

شىپۇن

  • شىپۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئىنچىكە ھەم تەكشى قاپارتمىلىرى بولغان يىپەك رەخت. سۈزۈك ھەم نېپىز كېلىدۇ. كۆپىنچە ئاياللارنىڭ يازلىق كىيىملىرى تىكىلىدۇ:[مىسال:] شىپۇن تاۋار. شىپۇن دۇخاۋا.

شىپىر

  • شىپىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قەدەمنىڭ يەڭگىل ۋە تېز ئېلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] شىپىر قىلماق.

شىپىر-شىپىر

  • شىپىر-شىپىر[يەشمىسى:] «شىپىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] شىپىر-شىپىر قىلغان ئاياغ تىۋىشى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى.

شىپىرلىماق

  • شىپىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «شىپىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شىپىر» قىلماق:[مىسال:] ئەپەندىم دېدى ئۇ مۇلايىم قىياپەتتە ۋە شىپىرلاپ مېڭىپ يېنىمغا كەلدى، مەكتەپكە ماڭغان ئوخشىماملا[يەشمىسى:] ② يەڭگىل ۋە سىلىق قەدەم تاشلاپ تېز-تېز ماڭماق، يەڭگىل قەدەملەر بىلەن تېز يۈرمەك:[مىسال:] مۇزەپپەر ئورنىدىن تۇرۇپ شىپىرلاپ يېنىمغا كېلىشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭ ئالدىنى توستۇم.

شىپىلداتماق

  • شىپىلداتماق[يەشمىسى:] «شىپىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىپىلداشماق

  • شىپىلداشماق[يەشمىسى:] «شىپىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىپىلداق

  • شىپىلداق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىپىلداپ تۇرىدىغان، چىم-چىم قىلىپ تۇرىدىغان، چىمىلداپ تۇرىدىغان (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] شىپىلداق كۆز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىم-چىم كۆز ياكى كۆزى چىمىلداپ تۇرىدىغان ئادەم.

شىپىلدىماق

  • شىپىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «شىپ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شىپ» قىلماق:[مىسال:] بىردىنلا ئۇنىڭ شىپىلداپ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم.[يەشمىسى:] ② يەڭگىل ۋە سىلىق قەدەم تاشلاپ ماڭماق:[مىسال:] تۈن يېرىمىدىن ئۆتكەندە باينىڭ خوتۇنى شىپىلداپ كېلىپ:[مىسال:] ھەي ئاتىسى، تۇرسىلا، ئاۋۇ تاز توڭگۇزدەك خورۇلداپ راسا قاتتىق ئۇخلاۋېتىپتۇ، ئويغىنىپ قالغۇچە چاپسانراق بېرىپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتەيلى، دەپ نوقۇپتۇ.[يەشمىسى:] ③ كۆزىنى چىمىلداتماق:[مىسال:] ئالدىڭمۇ دېسەم، كۆزىنى شىپىلدىتىپ قاراپ تۇرىدۇ.

شىپىنېل

  • شىپىنېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. كۆپىنچە تۆمۈر، خروم، مانگان، سىنك قاتارلىق ئىزومورفىزملار ئارىلاش كېلىدۇ. تەڭ ئوقلۇق كرىستال سىستېمىسىدا بولۇپ، كرىستاللىرى كۆپ ھاللاردا سەككىز ياقلىق شەكلىدە قىزىل، يېشىل، قارا قوڭۇر رەڭلەردە بولىدۇ. رەڭسىزلىرى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەينەكتەك پارقىرايدۇ، قاتتىقلىقى 8؛ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 5.3 — 7.3؛ ئۈزۈلۈش يۈزى سەدەپ شەكلىدە كېلىدۇ. سۈزۈك ۋە چىرايلىقلىرى گۆھەر ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتىكىلىرى بىلەي ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

شىتارى

  • شىتارى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى تار ھەم يىپسىمان كېلىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان بولۇپ، شاخلايدۇ. كىچىك باشاقلىرى پىشقاندا تۇتۇق يېشىل ياكى سۆسۈن رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئىسسىق جايلاردا ئۆسىدۇ. ئادەتتە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوزۇقى ھېسابلىنىدۇ.

شىتلىق

  • شىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] پاقالچاق سۆڭىكىنى ئاسراش ئۈچۈن تاقىلىدىغان ئەسۋاب.

شىتۇەن

  • شىتۇەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى ئىچىدىكى شتات بىرلىكى. دەرىجىسى ئېلىمىزدىكى شى (دىۋىزىيە)گە تەڭ كېلىدۇ.

شىتىر

  • شىتىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇرۇق ئوت-چۆپ، شاخ-شۇمبا، قەغەز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ مىدىرلىشى، تەۋرىنىشى ياكى ئۆزئارا ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

شىتىر-شىتىر

  • شىتىر-شىتىر[يەشمىسى:] «شىتىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شىتىرلاتماق

  • شىتىرلاتماق[يەشمىسى:] «شىتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىتىرلاشماق

  • شىتىرلاشماق[يەشمىسى:] «شىتىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىتىرلىماق

  • شىتىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىتىر» قىلماق، «شىتىر» قىلغان ئاۋاز چىقماق ياكى شۇنداق ئاۋاز پەيدا قىلماق:[مىسال:] ئەمەتنىڭ مىدىرلىماي تۇرغان پۇتلىرىنىڭ تېگىدە نەلەردىندۇر شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن غازاڭلار خۇددى چاشقان ماڭغاندەك شىتىرلايتتى.

شىجائەت

  • شىجائەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەيرەت؛ جەسۇرلۇق، باتۇرلۇق، قەتئىيلىك، جاسارەت:[مىسال:] قەيسەر شىجائەت دۇنيادىكى ھەرقانداق ئېگىزلىكنى بويسۇندۇرالايدۇ.

شىجائەتسىز

  • شىجائەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىجائىتى، جاسارىتى يوق؛ شىجائەت بىلەن ئىش قىلمايدىغان، غەيرەتسىز:[مىسال:] شىجائەتسىز كىشىلەر مۈشكۈل داۋانلاردىن ئاشالمايدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالمايدۇ.

شىجائەتلىك

  • شىجائەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىجائىتى بار، جەسۇر، جاسارەتلىك؛ غەيرەتلىك:[مىسال:] شىجائەتلىك ئادەم. شىجائەتلىك بالا.

شىدار

  • شىدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قويۇق، زىچ؛ ئۆسكىلەڭ، بىر تۇتاش.

شىددەت

  • شىددەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەرىكەتتىكى نەرسە ۋە ھادىسلەرنىڭ تېزلىك كۈچى، زەربى، سالمىقى:[مىسال:] قارىسا پۈتۈن ئالەمنى قاپلىغان تاراق-تۇرۇق ئاۋاز بىلەن تاغلار تاغقا، تاشلار تاشقا ئۇرۇلۇۋاتقۇدەك، شىددىتى ئالەمگە تارقىغان بۇ ئاۋاز دەريادىن چىقىۋاتقۇدەك.[يەشمىسى:] ② زور غەيرەت، شىجائەت، جاسارەت:[مىسال:] بۇدرۇق بىلەكلەر. چېكىلەر بەزى، قىزىرىپ كۆيسىمۇ ئېغىر مېھنەتتە، چارچاشنى ئۆزىگە يولاتماي يېقىن، ئىشچانلار باراتتى ھامان شىددەتتە.

شىددەتلىك

  • شىددەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىددەت بىلەن پەيدا بولغان، بولۇۋاتقان ياكى بولىدىغان؛ قاتتىق، كەسكىن، كۈچلۈك:[مىسال:] شىددەتلىك بوران ئۇلارنى خۇددى قامغاقتەك ئۇچۇرتۇپ ئەجەل ئازگاللىرىغا تىقىۋەتكەنىدى.

شىرⅠ

  • شىرⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى گۆشخور ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا، تۆت پۇتى كۈچلۈك كېلىدۇ. ئەركىكىنىڭ بوينىدا ئۇزۇن يالى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلىرى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە كېلىدۇ. ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. كۈچلۈك ھۆركىرەيدۇ. ئادەتتە ھايۋانلار پادىشاھى دەپ قارىلىدۇ.

شىرⅡ

  • شىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇنىڭ ئارتۇقچە شاۋقۇنلانماي ئېقىشى، تال-يوپۇرماقلارنىڭ تەۋرىنىشى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

شىرⅢ

  • شىرⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى كاۋاك ياكى پور ئەمەس، پۈتۈن؛ زىچ، چىڭ، پورلاشمىغان:[مىسال:] شىر تۇرۇپ. شىر ياغاچ.

شىرازا

  • شىرازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تۆگىچىلىكتە دوم بىلەن گەدەن باغنى تۆگىنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان بىر غېرىچ كەڭلىكتىكى كاشا. [يەشمىسى:] ② كىتابنى تۈپلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يىپ ۋە لاتا.

شىرازىچى

  • شىرازىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتاب-ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا، بەت، قىستۇرما رەسىم، تۈپلىنىشى قاتارلىقلارنى لايھىلىگۈچى ۋە تۈپلىگۈچى ئىشچى.

شىرازىلاتماق

  • شىرازىلاتماق[يەشمىسى:] «شىرازىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىرازىلاشماق

  • شىرازىلاشماق[يەشمىسى:] «شىرازىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىرازىلانماق

  • شىرازىلانماق[يەشمىسى:] «شىرازىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

شىرازىلىماق

  • شىرازىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىتاب-ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا، بەت، قىستۇرما رەسىم قاتارلىقلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈپلىمەك.

شىراغول

  • شىراغول[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جاھىل، گەپ ئۆتمەس، قېلىن.

شىراق

  • شىراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جانلىقلار پاچىقىنىڭ تىزدىن ئوشۇققىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىسمى:[مىسال:] قوينىڭ شىرىقى.[يەشمىسى:] ② مىلتىقنى ئاتىدىغان چاغدا تىرەپ تۇرىدىغان ئاچا ياغاچ ياكى تۆمۈر:[مىسال:] ئۇلار ئايلىنىپ يانغا ئۆتتى-دە، مىلتىقلىرىنىڭ شىراقلىرىنى يەرگە سانجىپ، تەپكىنى قايرىپ پىستان باستى.[يەشمىسى:] ③ گىلەمچىلىكتە دۇكاننى ئېگىزلىتىپ پەسلىتىش ئۈچۈن پاچاقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقىرىلغان، ئۈستى گۇندىغا كىرىپ تۇرىدىغان ئەركەك تۇرۇم.

شىراقلىق

  • شىراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىرىقى بار، شىراق بېكىتىلگەن:[مىسال:] ئۇنى بۇ يەردە شىراقلىق ئوۋ مىلتىقلىرى بىلەن ئوسمان ۋە ئۇنىڭ بىر توپ سەپداشلىرى كۈتۈپ تۇراتتى.

شىرەⅠ

  • شىرەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كالا، تۆگە، ئات قاتارلىق چوڭ مالنىڭ خام تېرىسى:[مىسال:] قورساق دېگەن شىرە، يېسە كىرەر (ماقال). ∥ شىرە چورۇق.

شىرەⅡ

  • شىرەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار پىشقاندا ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ھاسىل بولىدىغان تاتلىق سۇيۇقلۇق، شەربەت:[مىسال:] قوغۇن شىرىسى.[يەشمىسى:] ② تۇخۇم، ئۇن، تۇز قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل خام ئۇماچ.

شىرەⅢ

  • شىرەⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچتىن تۆت پۇتلۇق، تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق قىلىپ ياسالغان تاماق يېيىش، خەت يېزىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان، جوزا، ئۈستەل:[مىسال:] ئىچكىرىكى ئۆيدە مەن ياتىمەن دەپ توۋلىدى گۈلنۇر قولىدىكى قوشۇقنى شىرەگە ئۇرۇپ.

شىرەم

  • شىرەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تازا يېقىن ئەمەس، سەل يىراقراق (ئۇرۇق-تۇغقان ھەققىدە):[مىسال:] شىرەم تۇغقان. * نامان بىلەن ھەر ھالدا، شىرەم بولساقمۇ، توغقانچىلىقىمىز بار، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ كۆرەي.

شىرت

  • شىرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بۇرۇن تارتىش، ئىتتىك تىغ بىلەن بىرەر نەرسىنى تېز كېسىش ياكى قەلەم بىلەن قەغەزگە خەت يېزىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ھەئە، ھەممىسىگە ئالىمەن، دېدى خاسىيەت شىرت قىلىپ بۇرنىنى تارتىپ.

شىرتتىدە

  • شىرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «شىرت» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «شىرت» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ يىپنى بىر تارتىپ شىرتتىدە ئۈزۈۋەتتى. * ئۇ شىرتتىدە مىشقىردى-دە، يەنە يولىغا راۋان بولدى.

شىرت-شىرت

  • شىرت-شىرت[يەشمىسى:] «شىرت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] شامال دالدىدا تۇرۇپ قالغان بۇ بىر تۈپ گىلاسنىڭ يوپۇرماقلىرىنىمۇ شىرت-شىرت ئۈزۈپ تاشلىماقتا ئىدى.

شىرتىلداتماق

  • شىرتىلداتماق[يەشمىسى:] «شىرتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ باشقىلارنىڭ شىرتىلدىتىپ خاتىرە يېزىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

شىرتىلداشماق

  • شىرتىلداشماق[يەشمىسى:] «شىرتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىرتىلدىماق

  • شىرتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىرت» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شىرت» قىلماق:[مىسال:] سىنىپ ئىچى تىمتاس بولۇپ، پەقەت قەلەمنىڭ شىرتىلدىغان ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

شىرداق

  • شىرداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوڭ يۈزىگە قول بىلەن كەشتىلەنگەن ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چاپلىنىپ ئىشلەنگەن پۇختا، كۆركەم بىر خىل كىگىز:[مىسال:] ئۇلار ئازادە ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن، مەن پاكار سۇپىسىغا ئىككى پارچە شىرداق سېلىنغان پاكىز بىر ئۆيگە باشلاندىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورۇق، ئاۋاق، تېرىسى ئۇستىخانغا چاپلىشىپ قالغان.

شىردان

  • شىردان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كۆشىگۈچى ھايۋانلار قېرىنىنىڭ تۆتىنچى قىسمى. ئىچكى دىۋارى ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئوزۇقلۇق توققۇزتونلۇقتىن شىردانغا ئۆتۈپ، ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىن ئۈچەيگە بارىدۇ.

شىردىمال

  • شىردىمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «شىرداق»قا قاراڭ:[مىسال:] ساھىبخانا خۇشاللىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي، پېشايۋان ئاستىدىكى كىگىزلەر ئۈستىگە چوڭ بىر پارچە شىردىمال سالدى.

شىر-شىر

  • شىر-شىر[يەشمىسى:] «شىرⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بۇلاق سۇلىرىنىڭ شىر-شىر قىلغان ئاۋازى ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلۈۋەتتى.

شىرشىم

  • شىرشىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەملىشىپ قالغان، تېخى تولۇق قۇرۇپ كەتمىگەن:[مىسال:] شىرشىم ئوتۇن ھەرقانچە پۈۋلىسىمۇ يانمىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئىس كىرىپ ياش ئېقىپ كەتتى.

شىرشىملىق

  • شىرشىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەملەشكەن، نەملىكتىن قۇرۇمىغان ھالەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ماتېرىياللارنىڭ سىرتقى كۈچ تەسىرىدە، دېفورماتسىيە ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئاسانلىقچە ئۈزۈلۈپ كەتمەيدىغان ھەمدە يۇمشاق تۇرۇقلۇقمۇ ئاخىرىغىچە چىداشلىق بېرىدىغان بىر خىل خۇسۇسىيىتى.

شىرغاⅠ

  • شىرغاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جىرغا.

شىرغاⅡ

  • شىرغاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تۇمشۇقى، قۇيرۇقى، يالى، چېكىسى ۋە ئاياغلىرىدىكى تۈكلىرى ئاق، باشقا يەرلىرىدىكى تۈكلىرى قىزغۇچ سېرىق رەڭدىكى ئات.

شىرقىراتماق

  • شىرقىراتماق[يەشمىسى:] «شىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىرقىراشماق

  • شىرقىراشماق[يەشمىسى:] «شىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىرقىرىماق

  • شىرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىر-شىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شىر-شىر» قىلماق:[مىسال:] نىياز قۇربان ئۇلارنىڭ قارشىسىدا تۇرۇپ شىرقىراپ ئېقىۋاتقان سۇغا نەزەر سالدى.

شىركەت

  • شىركەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇش تىجارىتى ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودا-سانائەت بىرلەشمىسى:[مىسال:] پولات-تۆمۈر شىركىتى. كۆمۈر سانائىتى شىركىتى. ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتى.

شىركەتچىلىك

  • شىركەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شىركەت قۇرۇش، شىركەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى؛ شېرىكچىلىك:[مىسال:] جىۋەككىنە كەلگەن كوسا ساقال ھەسەن بالاھاجى ئەسلىي ئاتۇشتىن بولۇپ، قۇمۇلغا يەرلىشىپ، تىجارەت ئىشلىرىدا شامەخسۇت بىلەن شىركەتچىلىك قىلاتتى.

شىركەيپ

  • شىركەيپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاتتىق مەست:[مىسال:] شىركەيپ كىشى. شىركەيپ بولماق.

شىركەيپلىك

  • شىركەيپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتتىق مەستلىك:[مىسال:] بۈگۈن ئىچمىگەن ھاراقنى... دېدى ئۇ شىركەيپلىكتىن ئېچىلىپ، قېنى، توختى ئاكا، خوشە، ئىچەيلى... بۈگۈن ئىچىپ ئەتە دوزاخقا كىرسەكمۇ مەيلى...

شىرما

  • شىرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ئۆينى بۆلۈش، ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ھەرىكەتچان توسۇق، پەردە:[مىسال:] ئەركىن يەنە سورىماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئايتۇرسۇن چىقىپ شىرما ئارقىسىدا تۇرۇۋالدى. سەلەي بولسا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۈندىمىدى.

شىرمەننان

  • شىرمەننان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شىرمەن+نان[[يەشمىسى:] ناننىڭ بىر خىلى. ئادەتتىكى نانلاردىن يوغانراق بولۇپ ئۈستىگە گۈل چېكىلىدۇ. يۈزىگە جىگدە شىرنىسى سۈرۈلۈپ، تونۇردا پىشۇرۇلىدۇ:[مىسال:] يېڭىلا تونۇردىن قومۇرۇلغان شىرمەننان، گىردە، كۈنجۈت، سىيادان سېپىلگەن توقاچلار دۆۋىلىنىپ تۇراتتى.

شىرنە

  • شىرنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، گۈلى، غولى ياكى بەزى ماددىلار تەركىبىدە بولىدىغان شېرىن سۇيۇقلۇق:[مىسال:] ئۈزۈم شىرنىسى. قوغۇن شىرنىسى. شىرنە باغلىماق.[يەشمىسى:] ② ھۆل ياكى قۇرۇق مېۋىلەر ۋە بەزى زىرائەتلەردىن قاينىتىپ ئېلىنغان قىيام:[مىسال:] شىرنە قايناتماق.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم نىسبەتتە سۇ ۋە شېكەر بىلەن قىيام بولغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان شىرنىلىك، مۇراببا.

شىرنىخور

  • شىرنىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شىرنىنى ياخشى كۆرىدىغان، شىرنىنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن:[مىسال:] شىرنىخور قۇرت.

شىرنىلەشمەك

  • شىرنىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شىرنىگە ئوخشاش چاپلىشىپ، يېپىشىپ تۇرىدىغان بولماق:[مىسال:] بەزى قۇشلارنىڭ زىرائەتكە چۈشكەن چېكەتكىنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈۋېرىپ، تۇمشۇقى شىرنىلىشىپ كېتىدىكەن.

شىرنىلىك

  • شىرنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىرنىسى بار، تاتلىق:[مىسال:] بۇ يەرنىڭ قوغۇنلىرى بەك شىرنىلىك، تولىمۇ تاتلىق، دېدى يېزا باشلىقى بىزنى قوغۇنلۇققا باشلاپ كېتىۋېتىپ.

شىرىتماق

  • شىرىتماق[يەشمىسى:] «شىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىرىشماق

  • شىرىشماق[يەشمىسى:] «شىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىرىقⅠ

  • شىرىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوتقان، پاختىلىق چاپان قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە سېلىنغان يۇڭ ياكى پاختىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قول ياكى تىكىش ماشىنىسى بىلەن تىكىلگەن تىكىچ:[مىسال:] ئۇ يوتقانلارغا شىرىق سالدى. * يوتقاننى ئېچىپ قارىسام، يوتقاننىڭ شىرىقلىرى سۆكۈلۈپ كەتكەنىكەن. ∥ شىرىق چاپان.

شىرىقⅡ

  • شىرىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مېتال ۋە ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇلۇشى ياكى قۇرۇق ئوت-چۆپ، قەغەزگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ دەسسىلىشى، سۇنۇشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] زەنجىر شىرىق قىلىپ ئىشىك قىيا ئېچىلدى ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ چوقۇر يۈزى كۆرۈندى.

شىرىقشىتماق

  • شىرىقشىتماق[يەشمىسى:] «شىرىقشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يېنىمدا 500 كوي پۇلۇم بولسا، خەجلىمىسەممۇ، كۈندە بىر قېتىم شىرىقشىتىپ ساناپ قويسام، ئارمىنىمغا قاناتتىم.

شىرىق-شىرىق

  • شىرىق-شىرىق[يەشمىسى:] «شىرىقⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شىرىقلاتماق

  • شىرىقلاتماق[يەشمىسى:] «شىرىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ل. مۇتەللىپ دەرۋازا يوچۇقىدا پەيدا بولغان ئۈچ كۆلەڭگىنىڭ تاقاق زەنجىرنى بوش شىرىقلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

شىرىقلىماق

  • شىرىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىرىق-شىرىق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، شىرىقشىماق:[مىسال:] ۋېلىسىپىتلارنىڭ چاقى ئاستىدىكى شېغىل تاشلار شىرىقلايتتى.

شىرىلداتماق

  • شىرىلداتماق[يەشمىسى:] «شىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شامال ئۆگزىدىكى غازاڭ ۋە پاخاللارنى شىرىلدىتىپ يەرگە چۈشۈرۈۋىدى، ئۇ قورقۇپ ئۆلگىلى تاس قالدى.

شىرىلداشماق

  • شىرىلداشماق[يەشمىسى:] «شىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىرىلدىماق

  • شىرىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىر-شىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، شىرقىرىماق:[مىسال:] ئېگىز بوي تارتقان قوناق شاخلىرى بوش شىرىلداپ تەۋرەپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر كىشى كۆرۈندى.

شىرىلماق

  • شىرىلماق[يەشمىسى:] «شىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

شىرىلىك

  • شىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شىرىسى بار، شىرىسى كۆپ:[مىسال:] شىرىلىك نەرسىلەر — ھەسەل، قەنت، ناۋات، ئۈزۈم، مېغىز قاتارلىقلارنىڭ قالدۇقلىرى چىشقا كۆپ زىيانلىق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەزمۇنلۇق، مەنىلىك؛ يېقىشلىق، كۆڭۈلگە ياقىدىغان (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ياشلار «ئەجەبمۇ شىرىلىك گەپ بولدى» دېيىشتى.

شىرىما

  • شىرىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىرىقى بار، شىرىلغان، شىرىپ تىكىلگەن؛ شىرىق:[مىسال:] ئۇ ئۈستىگە نىل رەڭ شىرىما چاپان كىيگەنىدى.

شىرىماق

  • شىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يوتقان ياكى پاختىلىق چاپان قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى پاختا ياكى يۇڭنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىڭنە ياكى تىكىش ماشىنىسى بىلەن تىكمەك:[مىسال:] ئۇ يوتقانلىرىمنى شىرىپ، كىرلىرىمنى يۇيۇپ بەرگەنىدى.

شىزا

  • شىزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەبنۇس دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئېللىپس ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، دۈمبە تەرىپى تۈكلۈك. گۈلى ئاق، شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ، مېۋىسى ياپىلاق ياكى كونۇس شەكلىدە كېلىدۇ. رەڭگى قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق. ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

شىزاندارا

  • شىزاندارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ماگنولىيە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى قىزىل، دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ نېرۋا ئاجىزلىقى، جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى.

شىش

  • شىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ساڭزا سالغاندا ئىشلىتىدىغان زىخ. [يەشمىسى:] ② ئارغامچا تۈگۈنلىرىنى يېشىشتە ئىشلىتىلىدىغان مۇڭگۈز ياكى ياغاچ زىخ.

شىشىخال

  • شىشىخال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىر خىل قىمار ئەسۋابى. سۆڭەك، چاقچۇق، ياغاچ ۋە سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. كۇب شەكلىدە بولۇپ، ئالتە يېقىغا رەت بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1، 2، 3، 4، 5، 6 دانىدىن قىلىپ رەڭلىك چېكىتلەر ئويۇلغان بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئەسۋاب ئارقىلىق ئوينىلىدىغان قىمار:[مىسال:] بۇ يەردىكى تاماشا باشقىچە ئىدى. ئادەملەر توپ-توپ دۈگىلەك بولۇپ ئولتۇرۇپ تۆت ئوشۇق ئاتاتتى، شىشخال ۋە جۈپ-تاق ئوينايتتى.

شىغىرتما

  • شىغىرتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇم ۋە شېغىللار ئارىلاش بولغان يەر:[مىسال:] شىغىرتمىدا ھارۋىنى تارتىپ مېڭىش ناھايىتى تەس. ∥ شىغىرتما يول.

شىفىر

  • شىفىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەخپىي خەت-ئالاقىلەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلىك بەلگىلەر، ھەرپلەر ياكى سان-رەقەملەر.

شىفىرلاشتۇرماق

  • شىفىرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «شىفىرلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىفىرلاشتۇرۇلماق

  • شىفىرلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «شىفىرلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

شىفىرلاشماق

  • شىفىرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شىفىرلىق ھالەتكە كەلمەك، شىفىرغا ئايلانماق.

شىق

  • شىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چۈرۈك نەرسىلەرنىڭ سۇنۇشى، قاتتىق نەرسىلەرنىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

شىقىلداتماق

  • شىقىلداتماق[يەشمىسى:] «شىقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىقىلداشماق

  • شىقىلداشماق[يەشمىسى:] «شىقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىقىلداق

  • شىقىلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوڭغۇراقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تار ھەم ئۇزۇن، تۆت تېلى ئايلانما ھالەتتە ئۆسىدۇ. گۈلى سۆسۈن، گۈل تاجى قوڭغۇراق شەكلىدە، گۈل كاسىسى تار ھەم ئۇزۇن كېلىدۇ، يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىش رولىغا ئىگە.

شىقىلدىماق

  • شىقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىق-شىق» ئاۋاز چىقارماق، «شىق-شىق» قىلماق.

شىكار

  • شىكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئوۋ قىلىش، ئوۋ ئوۋلاش ئىشى؛ ئوۋ:[مىسال:] جىرالاردا ئات چاپتۇرۇپ، مەن شىكاردىن يانغىنىمدا، خۇشخۇي كۈلۈپ قىمىز سۇندۇڭ، ئۇسسۇغاندا، ھارغىنىمدا.

شىكارگاھ

  • شىكارگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شىكار پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، شىكار قىلىدىغان جاي، ئوۋ ئوۋلاش رۇخسەت قىلىنغان ئورۇن ياكى دائىرە:[مىسال:] مەلىكە كېنىزەكلىرى بىلەن يۈزگە يېقىن لەشكەرنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ شىكارگاھىنىڭ قارشىسىدىن چىقىپ كەپتۇ.

شىكايەت

  • شىكايەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى ئەھۋالنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى ۋە ياكى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئېيتىلىدىغان نارازىلىق:[مىسال:] شىكايەت قىلماق. ∥ شىكايەت خېتى.[يەشمىسى:] ② شىكايەتنامە، ئەرز:[مىسال:] تۇرسۇن شېجاڭ ئەزالار نامىدىن يېزىلغان بۇ شىكايەتنى ئوقۇپ كۈلۈمسىرىدى.

شىكايەتچى

  • شىكايەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغان، دائىم دېگۈدەكلا باشقىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ قاقشاپ تۈرىدىغان كىشى:[مىسال:] شىكايەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۈگۈن نېمىشقىدۇر، جىمجىت بولۇپ قېلىشقانىدى. ∥ باسىت ئۇنىڭ بۆلۈمىگە كىرگەندە، بارى شىكايەتچى ئايالغا خىيالچان كۆزلىرى بىلەن قادىلىپ ئولتۇراتتى.

شىكايەتنامە

  • شىكايەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر شەخس، گۇرۇھ، تەشكىلات ياكى شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئادالەتسىز ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ يېزىلغان شىكايەت خېتى، ئەرز:[مىسال:] ئاڭلىسام، يېقىندا ئۇ بىرەيلەن توغرۇلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بىر پارچە شىكايەتنامە يېزىپ، ئۇلارنىڭ «يېغىر»ىنى «كولاپ»تۇ.

شىكەستە

  • شىكەستە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاراھەتلەنگەن، سۇنۇق، قايغۇلۇق، ھەسرەتلىك:[مىسال:] بۇ سۆز بىلەن ئۇنىڭ شىكەستە دىلى سەل ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاراھەت؛ غەم-قايغۇ، دەرد-ھەسرەت، ئەلەم:[مىسال:] نېمىشقا بۇ تىلىم بارمايدۇ گەپكە، ھەر قېتىم كۆرگەندە قالىمەن دەردتە. ئايرىلىپ كەتكەندە يېنىڭدىن بىردەم، پىراقىڭ بۇ دىلنى قىلار شىكەستە.

شىكەستىلەندۈرمەك

  • شىكەستىلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «شىكەستىلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سىلەر ئۆزۈڭلەرگە شىكەستە يەتكۈزگەن كىشىلەرنى قوبۇل قىلىسىلەر، ھەتتا ئۇلاردىن قورقىسىلەر.

شىكەستىلەنمەك

  • شىكەستىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەجرۇھ بولماق، يارىلانماق، زەخىملەنمەك، جاراھەتلەنمەك:[مىسال:] كىتاب، خىيال ۋە مۇزىكا شىكەستىلەنگەن روھىمغا ئارام بېرىدۇ، مېنى ئۈمىدۋارلىققا، ھاياتنى سۆيۈشكە ئۈندەپ، يۈرىكىمدىكى يارىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىدۇ.

شىڭⅠ

  • شىڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئاشلىقنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل سايمان، ئادەتتە بىر شىڭ ئون ئوچۇمغا تەڭ بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بەش شىڭ تېرىق. تۆت شىڭ گۇرۇچ.

شىڭⅡ

  • شىڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقلار قىزىپ قايناشقا يېقىنلاشقاندا ياكى پەس قايناۋاتقاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز.

شىڭ-شىڭ

  • شىڭ-شىڭ[يەشمىسى:] «شىڭⅡ» نىڭ تەكرارلىنىشى.

شىڭغالتاق

  • شىڭغالتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] تىزنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئويمان، يەنى تىز ئېگىلگەندە ئۇنىڭ ئارقا قىسمىدا شەكىللىنىدىغان ئويمان.

شىڭگىل

  • شىڭگىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ساپ ئۈزۈمنىڭ كىچىك شاخچىلىرى، ئۈزۈم سېپىنىڭ كىچىك پارچىسى ياكى بۆلىكى:[مىسال:] ئارسلان بىر شىڭگىل مۇناقى ئۈزۈمنى ئايدىنغا سۇندى.

شىڭلاتماق

  • شىڭلاتماق[يەشمىسى:] «شىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئوغلىغا گۈرۈچنى شىڭلىتىپ كۆرۈۋىدى، ئەسلىدىكى مۆلچەردىن ئون شىڭدەك كەم چىقتى.

شىڭلاشماق

  • شىڭلاشماق[يەشمىسى:] «شىڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تەييار گۈرۈچنى تۆت تەرەپتىن شىڭلىشىپ، بۆلۈشۈشكە باشلاپتۇ.

شىڭلانماق

  • شىڭلانماق[يەشمىسى:] «شىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تېخى تۈنۈگۈنلا شىڭلىنىپ تاغارغا ئېلىنغان تۇرسا، يەنە بۈگۈن شىڭلايمىز دېگىنىڭ نېمىسى دېدى ئۇ غۇدۇراپ.

شىڭلى

  • شىڭلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] سەپەرگە چىققاندا يېتىپ-قوپۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىۋالىدىغان يوتقان-كۆرپە، يۈك-تاق:[مىسال:] شىڭلىنى كۆتۈر دېدى ئۇ بوۋايغا ۋارقىراپ.

شىڭلىماق

  • شىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شىڭ بىلەن ئۆلچىمەك:[مىسال:] ئۇ گۈرۈچنى شىڭلاپ بولۇپ، تاغارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە باشلىدى.

شىڭىلدىماق

  • شىڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىڭ-شىڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ھىم... ئانىسى. بول، چېيىڭ نېمىشقا تېخىچىلا شىڭىلدىمايدۇ

شىلەپە

  • شىلەپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] چۆرىسى قاسقانلىق باش كىيىمى، قالپاق.

شىلەپىلىك

  • شىلەپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىلەپىسى بار، شىلەپە كىيگەن:[مىسال:] ئۇ شىلەپىلىك، ئاق سېمىز، چىرايلىق ئايالنىڭ قىياپىتىنى، چىرايلىق مېڭىشىنى، خۇش ئاۋازىنى ئوبدانلا ئەسلىۋالدى.

شىلتىشماق

  • شىلتىشماق[يەشمىسى:] «شىلتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بايا مەكتەپكە كېلىۋاتقان ۋاقتىمدا بىرمۇنچە ئوقۇغۇچى ۋە لۈكچەكلەر يول بويى كەينىمگە كىرىۋېلىپ قوللىرىنى شىلتىشىپ «كىچىك راھىبە» دەمدۇ، «ئۆردەك قۇيرۇقى» دەمدۇ، ئىشقىلىپ، ئاغىزىغا كەلگىنىنى دېيىشىپ مېنى تىللاشتى.

شىلتىڭ

  • شىلتىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارنىڭ پۇتىنى قالايمىقان سىلكىپ، يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرۈشى.

شىلتىڭ ئاتماق

  • شىلتىڭ ئاتماق[يەشمىسى:] ① پۇتىنى قالايمىقان، يۇقىرى-تۆۋەن سىلكىمەك؛ چىچاڭلىماق (ئات-ئۇلاغقا ئوخشاش ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] سەمرىگەن ئېشەك شىلتىڭ ئېتىپ ئۇنى ھېچ مىندۈرمىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چوڭچىلىق قىلماق، پوچىلىق قىلماق، ھالىغا باقماي تاراقلىماق:[مىسال:] ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن (ماقال).

شىلتىماق

  • شىلتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قول ۋە قولغا ئوخشاش نەرسىلەرنى زەرب بىلەن ئالدىغا سوزماق:[مىسال:] ئوق يەتمىگەن يەرگە قىلىچ شىلتىما (ماقال).

شىلدۇرماق

  • شىلدۇرماق[يەشمىسى:] «شىلماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىلدىپ

  • شىلدىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكتىن ئىشلەنگەن يامغۇرلۇق يېپىنچا.

شىلدىر

  • شىلدىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېرىقلاردىكى سۇنىڭ ئېقىشى، يوپۇرماق ۋە قەغەز قاتارلىقلارنىڭ بەكرەك تەۋرىنىشى ياكى ئۆزئارا ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ؛لەيلىنىڭ چاپىنىنى يەردىن سىلكىپ ئېلىۋىدى، بىر پارچە خەت شىلدىر قىلىپ يەرگە ئۇچۇپ چۈشتى.

شىلدىر-شىلدىر

  • شىلدىر-شىلدىر[يەشمىسى:] «شىلدىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] سىمابتەك سۈزۈك تاغ سۈيى تاڭ توخۇلىرىنىڭ چىللاشلىرىغا جور بولۇپ شىلدىر-شىلدىر قىلىپ ئېقىۋاتاتتى.

شىلدىرلاتماق

  • شىلدىرلاتماق[يەشمىسى:] «شىلدىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەچ كۈزنىڭ سوغ شامىلى گىلاس ۋە ئالما يوپۇرماقلىرىنى شاخلاردىن ئۈزۈپ شىلدىرلىتىپ ئۇچۇرتماقتا ئىدى.

شىلدىرلاشماق

  • شىلدىرلاشماق[يەشمىسى:] «شىلدىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىلدىرلىماق

  • شىلدىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىلدىر-شىلدىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شىلدىر-شىلدىر» قىلماق:[مىسال:] ئۇ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ بويىدا ئولتۇرغان بىر قىزنى كۆردى.

شىلدىرما

  • شىلدىرما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «شىلدىر-شىلدىر» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان، شىلدىرلايدىغان:[مىسال:] شىلدىرما داپ.

شىلدىرما داپ

  • شىلدىرما داپ[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇقىم ئاۋاز ئېگىزلىكى بولمىغان بىر خىل ئۇرغۇلۇق داپ. گەردىشى ياغاچتىن ياسىلىپ، بىر تەرتىپىگە قوي تېرىسى كىيدۈرۈلىدۇ، گەردىش سىرتىغا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق قوڭغۇراق ياكى تۆمۈر ھالقىلار ئورنىتىلىپ، چالغاندا شىلدىرلىغان قوشۇمچە ئاۋازلارنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئادەتتە ئوڭ قولىنىڭ بارمىقى ياكى ئالىقىنى بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ. سول قول داپنى كۆتۈرۈپ، چايقاپ بېرىدۇ.

شىلغاق

  • شىلغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىلىدىغان، شىلىپ ئېلىشقا ئۇستا؛ شىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان:[مىسال:] ئەمدى سېنى، دېدى ئۇ ماڭا قولىنى شىلتىپ، يۈزىدە قېنى بار، يېگەن-ئىچكەندەك دەپ بوغالتىرلىققا بېكىتىپ قويسا، ھۆججەت يىرتىپ باشقىلارنى شىلغاق چىقتىڭ... ھېلىمۇ ئالتە-يەتتە ئايدىن بېرى بۇ مەكتەپ ئۆرە تۇرىۋاتىدۇ.

شىللە

  • شىللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جانلىقلار تېنىنىڭ باش بىلەن ئومۇرتقا سۆڭىكىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئورنى، بويۇن، گەدەن:[مىسال:] شىللىسىغا ئارتماق. شىللىسىغا مىنمەك.

شىللىسىغا مىنمەك

  • شىللىسىغا مىنمەك[يەشمىسى:] بوزەك قىلماق، زۇلۇم سالماق، قىينىماق، دەرد-ئەلەم، كۈلپەتكە دۇچار قىلماق:[مىسال:] باسىت مۇدىر، خەلقنىڭ بىزنى ھوقۇقدار قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۆز شىللىسىگە مىنگۈزۈش ئۈچۈن ئەمەس

شىللىق

  • شىللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېپىشقاق، سۇيۇق يېلىمسىمان:[مىسال:] شىللىق پەردە.

شىللىق پەردە

  • شىللىق پەردە[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئېغىز بوشلۇقى، كاناي، ئاشقازان، ئۈچەي، سۈيدۈك يولى قاتارلىق ئەزالارا ئىچىدە بولىدىغان بىر قەۋەت نېپىز پەردە. ئىچىدە قان تومۇر ۋە نېرۋىلار بولۇپ شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

شىللىڭ

  • شىللىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋە بەزى ئافرىقا مەملىكەتلىرىنىڭ پۇل بىرلىكى. [يەشمىسى:] ② ئەنگلىيىدە بىر فۇند-ستېرلىڭنىڭ يىگىرمىدىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان تەڭگە پۇل.

شىللىۋاغ

  • شىللىۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]شىللە+باغ[[يەشمىسى:] جاۋەننىڭ ياغاچلىرىنىڭ ئۈستىنى بىر-بىرىگە چېتىپ تۇرىدىغان تانا، يىپ، باغ.

شىلماق

  • شىلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ سىرتى ياكى تېنىنى ئوراپ تۇرغان تېرە، پوست قاتارلىق نەرسىلەرنى تارتىپ سويۇپ ئالماق:[مىسال:] ئۇ جادۇگەرنىڭ بىر قارا تۇلپار ئېتى بار، شۇنى ئېلىپ كەلسەڭ قىزىمنى ساڭا بېرىمەن، بولمىسا تېرەڭنى شىلىمەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدامچىلىق ياكى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋالماق، ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق، قان-تەرىنى شورىماق:[مىسال:] شىلغانىدى بىر چاغ گومىنداڭ، ئەلنى شۇنداق سېلىقلار سېلىپ. تىرىلدى شۇ سېلىقلار يەنە، كەلدىمۇ يا گومىنداڭ يېنىپ

شىلۋى

  • شىلۋى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تال-تال ئۆسىدىغان، قوۋزىقى ئاق، ئىچى سېرىق، ئۇچى چۇۋۇلغان چاچتەك پاخپىيىپ تۇرىدىغان، ياغىچى ئەڭ قاتتىق ھەم مۇستەھكەم بىر خىل تاغ ئۆسۈملۈكى:[مىسال:] -تاغقا بارمايمىز، شىلۋى ياغىچى ئالمايمىز، چوكا ياسىمايمىز، دەپتۇ شېتىلە.

شىلىپ

  • شىلىپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىت، مۈشۈك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سۇ مىقدارى بىرئاز كۆپ بولغان نەرسىلەرنى يەپ-ئىچىشتىن، ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] شىلىپ قىلماق.

شىلىپپىدە

  • شىلىپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «شىلىپ» قىلىپ، «شىلىپ» قىلغان ھالدا، «شىلىپ» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ.

شىلىپ-شىلىپ

  • شىلىپ-شىلىپ[يەشمىسى:] «شىلىپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شىلىپلاتماق

  • شىلىپلاتماق[يەشمىسى:] «شىلىپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىلىپلىماق

  • شىلىپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىلىپ-شىلىپ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «شىلىپ-شىلىپ» قىلماق.

شىلىشماق

  • شىلىشماق[يەشمىسى:] «شىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىلىق

  • شىلىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقلارنىڭ يېنىك چايقىلىشى ياكى قاشقا ئۇرۇلۇپ قايتىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

شىلىق-شىلىق

  • شىلىق-شىلىق[يەشمىسى:] «شىلىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شىلىققىدە

  • شىلىققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «شىلىق» قىلغان ھالدا، «شىلىق» قىلىپ.

شىلىقلاتماق

  • شىلىقلاتماق[يەشمىسى:] «شىلىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىلىقلىماق

  • شىلىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «شىلىق-شىلىق» ئاۋاز چىقارماق، «شىلىق-شىلىق» قىلماق.

شىلىم

  • شىلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەغەز قاتارلىق نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە چاپلاش، يەملەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېلىمسىمان سۇيۇقلۇق:[مىسال:] شىلىم سۈرمەك. شىلىم ئەتمەك.

شىلىمشىق

  • شىلىمشىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىلىمغا ئوخشاش، قويۇق ھەم يېپىشقاق، چاپلىشاڭغۇ (سۇيۇق نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] ئانا توختىئاخۇننىڭ چىرايىغا، شىلىمشىق قان داغلىرى ئۇيۇپ قالغان ساقال-بۇرۇتلىرىغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.

شىلىملاتماق

  • شىلىملاتماق[يەشمىسى:] «شىلىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىلىملاشماق

  • شىلىملاشماق[يەشمىسى:] ① «شىلىملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② شىلىم ھالىتىگە كەلمەك، شىلىمدەك بىرنەرسە پەيدا بولماق:[مىسال:] ئاغزىم شىلىملىشىپ، ئىشتىھايىم بوغۇلۇپ بىرقىسمىلا بولۇپ قالدىم.

شىلىملانماق

  • شىلىملانماق[يەشمىسى:] «شىلىملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

شىلىملىماق

  • شىلىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شىلىم سۈركىمەك، شىلىم چاپماق.

شىلىنماق

  • شىلىنماق[يەشمىسى:] «شىلماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قارىسام ھېلىقى تاي يولنىڭ سول تەرىپىدە توختاپ قاپتۇ، ئارقا سول پۇتىنىڭ تېرىسى شىلىنىپ، قىپقىزىل قان ئېقىۋېتېپتۇ.

شىليۇز

  • شىليۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇ يوللىرىنىڭ سۇ ئورنىدا پەۋقۇلئاددە پەرق بولغان جايلىرىدا كېمىلەرنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېلىپ چۈشۈش ياكى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن قۇرۇلغان كۆپ تاقاقلىق قۇرۇلما.ش

شىلدۇرماق

  • شىلدۇرماق[يەشمىسى:] «شىلماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرن شىم.

شىم-تۇجۇركا

  • شىم-تۇجۇركا[يەشمىسى:] شىم ۋە تۇجۇركا.

شىم-كاستۇم

  • شىم-كاستۇم[يەشمىسى:] شىم ۋە كاستۇم:[مىسال:] ئۇ كۆك سارجىدىن شىم-كاستۇم كىيگەن ياش يىگىت ئىدى.

شىمال (شىمالى)

  • شىمال (شىمالى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ بىرى، جەنۇبنىڭ قارشىسىدىكى تەرەپ:[مىسال:] شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى.

شىمالىي

  • شىمالىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شىمال تەرەپتىكى، شىمال تەرەپكە جايلاشقان:[مىسال:] شىمالىي قۇتۇپ. شىمالىي ئافرىقا. شىمالىي ئامېرىكا.

شىمايلاتماق

  • شىمايلاتماق[يەشمىسى:] «شىمايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىمايلاشماق

  • شىمايلاشماق[يەشمىسى:] «شىمايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىمايلانماق

  • شىمايلانماق[يەشمىسى:] «شىمايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يەڭلىرى شىمايلانغان يىگىتلەرنىڭ قوللىرىدىكى كەتمەنلەر يىراقتىنلا پارقىراپ كۆرۈنەتتى.

شىمايلىماق

  • شىمايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارقىسىغا قايرىپ تۇرۇپ يۇقىرى تەرەپكە سۈرمەك، تۈرمەك (يەڭ ھەققىدە):[مىسال:] موزدۇزخانىغا ئورۇنلاشقان كونا چاپانلىق ئىككى نەپەر جەڭچى يەڭلىرىنى شىمايلاپ، جىددىي ئەھۋالغا قارىتا تەق بولۇپ تۇراتتى.

شىمپەنزە

  • شىمپەنزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ئۆرە تۇرغاندا ئېگىزلىكى بىر مېترغا يېتىدۇ، تۈكلىرى قارا، يۈزى قوڭۇر كۈل رەڭ، ئەمما تۈكسىز، قاش سۆڭىكى ئېگىز كېلىدۇ. ئافرىقا ئورمانلىرىدا توپلىشىپ ياشايدۇ، ياۋا مېۋە، كىچىك قۇش ۋە ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇ ئادەمگە ناھايىتى ئوخشايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان بولۇپ، كۆپىنچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق تەجرىبىلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

شىملىق

  • شىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شىمى بار. شىم كىيىۋالغان:[مىسال:] قارا شىملىق ھېلىقى يىگىت ئۇدۇل ئايتۇراننىڭ ئالدىغا كەلدى-دە، ھىجىيىپ ئايتۇرانغا تىكىلدى.[يەشمىسى:] ② شىم تىكىشكە بولىدىغان، شىم تىكسە يېتىدىغان:[مىسال:] بىر شىملىق رەخت. ∥-يەنە بۇنى ماڭا ئالغۇچە ئۆزىڭىزگە شىملىق ئالسىڭىز بولماسمىدى-دېدى ئۇ ئېرىگە.

شىمىرمەك

  • شىمىرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شىمايلىماق، تۈرمەك.

شىنا

  • شىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ياغاچ جابدۇق ياكى ھەر خىل ساپلىق ئەسۋابلارنى چىڭىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاراچلىرىغا قىستۇرۇلىدىغان ئۈچ بۇلۇڭ ياكى ياپىلاق شەكىللىك ياغاچ، شۇ خىلدىكى نەرسە، پانا:[مىسال:] كەكىنىڭ شىنىسى. شىنا قاقماق.

شىنتايتماق

  • شىنتايتماق[يەشمىسى:] «شىنتايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ماشىنىنىڭ قاتتىق سىگنالىدىن چۆچۈگەن بوز يورغا قۇلاقلىرىنى شىنتايتىپ ئۈركۈپ قاچقىلى تاس قالدى.

شىنتايتىشماق

  • شىنتايتىشماق[يەشمىسى:] «شىنتايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سازدا ئوتلاۋاتقان ماللار بۇ قىزىل جانىۋاردىن ئۈركۈشۈپ، يىراقلارغا بېرىۋېلىپ قۇلاقلىرىنى شىنتايتىشىپ قارىشاتتى.

شىنتايماق

  • شىنتايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دىڭگايماق، تىك ھالەتكە كەلمەك، تىكلىمەك.

شىنتوئىزم

  • شىنتوئىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەن+رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ياپونلارنىڭ قەدىمدىن بار بولغان بىر خىل دىنى، ئۇنىڭ مەزھەپلىرى كۆپ بولۇپ، ئەجدادلارغا چوقۇنۇشنى ئاساس قىلىدۇ.

شىنخۇا

  • شىنخۇا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يېڭى جۇڭخۇا:[مىسال:] شىنخۇا ئاگېتنلىقى. شىنخۇا كىتابخانىسى.

شىۋاق

  • شىۋاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۆپىنچە شورلۇق يەرلەردە پاكار ئۆسىدىغان، ئەتىيازدا بالدۇر چىقىدىغان، بىر خىل ئۆسۈملۈك.

شىۋاقلىق

  • شىۋاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شىۋاق كۆپ ئۆسكەن، شىۋاق بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] ئۇلار شىۋاقلىقتا مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناۋاتاتتى. ∥ پەرھات شىۋاقلىق ساينىڭ ئۈستىدە دۇرنەمنىڭ بېشىنى تىزىغا ئېلىپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالدى.

شىۋەك

  • شىۋەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈستىگە ئىككى قولدەك تاسما تىكىلگەن بىر خىل يازلىق كەش:[مىسال:] ئۈستەل يېنىدا سوڭى يانجىلىپ كەتكەن ئەسكى شىۋەكتىن باشقا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەللىمنىڭ ياستۇقى ئاستىغا تىقىۋېتىلگەنىدى.

شىۋەكلىك

  • شىۋەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پۇتىدا شىۋەك بار، شىۋەك كىيگەن. [يەشمىسى:] ② شىۋەك تىكىشكە لايىق، شىۋەككە يېتىدىغان:[مىسال:] شىۋەكلىك رەخت.

شىۋىر

  • شىۋىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پەقەت سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچىلا ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىدە پەس ھەم زەئىپ ياكى كۈچسىز چىققان ئاۋاز.

شىۋىر-شىۋىر

  • شىۋىر-شىۋىر[يەشمىسى:] «شىۋىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

شىۋىرغاق

  • شىۋىرغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا ماللارنىڭ تۇيىقى ئىچىدىكى سۆڭەك.

شىۋىرغان

  • شىۋىرغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] قىش كۈنلىرى چىققان كۈچلۈك شامالنىڭ زور مىقداردا يىغىلىپ قالغان ياكى چۈشۈۋاتقان قارلارنى ئۇچۇرۇش ھادىسىسى:[مىسال:] غالىب تاشيولدىن ئەگىپ ھارۋا يولىغا چىققاندا قار توختاپ، بىردىنلا قاتتىق شىۋىرغان باشلاندى.

شىۋىرغانلىق

  • شىۋىرغانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شىۋىرغان بار، شىۋىرغان چىقىپ تۇرغان:[مىسال:] ئۇ قىشنىڭ شىۋىرغانلىق ئۇزۇن كېچىلىرىنى ئاپتوموبىللار يېنىدا كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزەتتى.

شىۋىرلاشماق

  • شىۋىرلاشماق[يەشمىسى:] «شىۋىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سۈتتەك ئايدىڭ ئاخشىمى كۈز پەسلىدە، شىۋىرلاشقان ئىككى باش كىم ئەسلىدە.

شىۋىرلىماق

  • شىۋىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پەس ئاۋازدا سۆزلىمەك، پىچىرلىماق:[مىسال:] تاشۋاينىڭ ئالدىدا قولتۇقىغا يوغان بوغچا قىستۇرغان گۈلچىمەن پەيدا بولدى ۋە تاشۋايغا شىۋىرلىدى:[مىسال:] — بۇنى ئېلىڭ، تېز بولايلى...

شىي

  • شىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئارىلاشتۇرۇش.

شياشى

  • شياشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى جۈنشىلار ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجە.

شياڭشېڭ

  • شياڭشېڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] ئەلنەغمىنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭدا كۈلكىلىك گەپ-سۆزلەر، قىزىقارلىق سوئال-جاۋابلار، ناخشا ۋە تۈرلۈك قىزىقچىلىقلار ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. كۆپىنچە مەسخىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر يېڭى كىشى، يېڭى ئىشلارمۇ بۇ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدىغان بولدى. ئادەتتە ئۇ قاتناشقان كىشىلىرىنىڭ سانىغا قاراپ قوش كىشىلىك شياڭشېڭ، كۆپ كىشىلىك شياڭشېڭ ۋە تاق كىشىلىك شياڭشېڭ دېگەنلەرگە ئايرىلىدۇ.

شياۋدۈي

  • شياۋدۈي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قوشۇن تۈزۈلمىسىدىكى ئاساسىي شتات بىرلىكى. جۇڭدۈي قارمىقىدا بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② ئىشلەپچىقىرىش دۈيى، ئەترەت.

شىيلاتماق

  • شىيلاتماق[يەشمىسى:] «شىيلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

شىيلاشماق

  • شىيلاشماق[يەشمىسى:] «شىيلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

شىيلامچى

  • شىيلامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى شىيلاپ، ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۇش ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان كىشى؛ ئالدامچى:[مىسال:] پاسار دېگەن تازا شىيلامچى بوپتۇ، لېكىن ھەر ھالدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھوشيار بولغىنىڭ ياخشى.

شىيلامچىلىق

  • شىيلامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى شىيلاپ، ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۇش ئىشى، ھەرىكىتى ۋە قىلىقى؛ ئالدامچىلىق:[مىسال:] شىيلامچىلىق قىلماق.

شىيلانماق

  • شىيلانماق[يەشمىسى:] «شىيلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

شىيلىماق

  • شىيلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قارتىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئوينىغۇچىلارغا بۆلۈپ بەرمەك:[مىسال:] سەن شىيلاپ قويۇپ تۇر، مەن ھازىرلا كىرىمەن، دېدى ئۇ شارتلا ئورنىدىن تۇرۇپ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياخشى گەپلەر بىلەن ماختاپ، ئۇچۇرۇپ ئالدىماق، كۆككە كۆتۈرۈپ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماق:[مىسال:] لى كېجاڭ ئەھۋال تەپسىلاتىنى تولۇق يېزىۋالغاندىن كېيىن روزى باقى يەنە بىر قۇر ئوبدان شىيلاپ، ئۇنىڭغا چىقىش ئىجازىتى بەردى.

شيۇجېڭجۇيى

  • شيۇجېڭجۇيى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى بىر خىل بۇرژۇئا پىكىر ئېقىمى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مەيدانغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئۆزىنى ماركسنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ ئاتىۋالغان بېرنىشتېيىن ئېنگىلس ۋاپات بولغاندىن كېيىن ماركسىزمنىڭ ئىنقىلابىي پرىنسىپلىرىغا قارىتا تۈزىتىش ئېلىپ بارغان. بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتا شيۇجېڭجۇيى دەپ ئاتالغان.