ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

6 ج 🔗

ج

جاⅠ

جاⅡ

جابدۇتماق

جابدۇشماق

جابدۇق

جابدۇقلۇق

جابدۇلماق

جابدۇماق

جابدۇنماق

جاپ

جاپا

جاپاسىز

جاپاكەش

جاپاكەشلىك

جاپالىق

جاپا-مۇشەققەت

جاپ-جاپ

جاپ-جاپلىق

جاجا

جادا

جادۇ

جادۇگەر

جادۇگەرلىك

جادىھەرە

جارⅠ

جارⅡ

جاراستان

جاراق

جاراق-جاراق

جاراق-جۇرۇق

جاراققىدە

جاراقلاتماق

جاراقلىماق

جاراڭ

جاراڭ-جاراڭ

جاراڭ-جۇرۇڭ

جاراڭسىز

جاراڭسىزلاشتۇرماق

جاراڭسىزلاشتۇرۇلماق

جاراڭسىزلاشماق

جاراڭسىزلىق

جاراڭڭىدە

جاراڭلاتماق

جاراڭلاشماق

جاراڭلىق

جاراڭلىماق

جاراھەت

جاراھەتلەندۈرمەك

جاراھەتلەندۈرۈشمەك

جاراھەتلەندۈرۈلمەك

جاراھەتلەنمەك

جاراھەتلىك

جارت

جارتتىدە

جارت-جارت

جارت-جۇرت

جارتىلداتماق

جارتىلداق

جارتىلدىماق

جارجات

جار-جۇر

جارچى

جاررىدە

جارقىراتماق

جارقىراشماق

جارقىرىماق

جارۇپ

جارۇپكەش

جارۇپكەشلىك

جارى

جاز

جازا

جازا

جازالاتماق

جازالاشماق

جازالانماق

جازالىماق

جازانامە

جازانە

جازانىخور

جازانىخورلۇق

جازىبە

جازىبىلىك

جازىپۇش

جازىسىز

جازىلاتماق

جازىلاشماق

جازىلانماق

جازىلىق

جازىلىماق

جاسارەت

جاسارەتسىز

جاسارەتسىزلىك

جاسارەتلەندۈرمەك

جاسارەتلەندۈرۈشمەك

جاسارەتلەندۈرۈلمەك

جاسارەتلەنمەك

جاسارەتلىك

جاساق

جاسەي

جاسۇس

جاسۇسلۇق

جاغⅠ

جاغⅡ

جاغال

جاغالماي

جاغ-جاغ

جاغجاغئوت

جاغدا

جاغىلداتماق

جاغىلدىماق

جاق

جاق تويماق

جاقا-جۇقا

جاقاڭ

جاقاڭ-جاقاڭ

جاقاڭ-جۇقۇڭ

جاقاڭلاتماق

جاقاڭلاشماق

جاقاڭلىماق

جاق-جاق

جاق-جۇق

جاققىدە

جاقىلداتماق

جاقىلداشماق

جاقىلداق

جاقىلدىماق

جاكⅠ

جاكⅡ

جاكار

جاكارچى

جاكارلاشماق

جاكارلانماق

جاكارلىماق

جاكارنامە

جاكىت

جاڭⅠ

جاڭⅡ

جاڭ-جاڭ

جاڭجال

جاڭجالچى

جاڭجالسىز

جاڭجالكەش

جاڭجاللاشتۇرماق

جاڭجاللاشماق

جاڭجاللىق

جاڭ-جۇڭ

جاڭچى

جاڭدۇ

جاڭدۇلۇق

جاڭزا

جاڭڭىدە

جاڭگال

جاڭگاللىق

جاڭگىر

جاڭگىر-جاڭگىر

جاڭگىر-جۇڭگۇر

جاڭگىرلاتماق

جاڭگىرلاشماق

جاڭگىرلىماق

جاڭڭىدە

جاڭىلداتماق

جاڭىلدىماق

جاڭيۇ

جالا

جالاپ

جالاپباز

جالاپبازلىق

جالاپخانا

جالاپلىق

جالاشتۇرماق

جالاشتۇرۇشماق

جالاشتۇرۇلماق

جالاشماق

جالاقⅠ

جالاقⅡ

جالاق-جالاق

جالاق-جۇلۇق

جالاققىدە

جالاقلاتماق

جالاقلاشماق

جالاقلىتىلماق

جالاقلىماق

جالداق

جالداق-جالداق

جالداق-جۇلدۇق

جالداققىدە

جالداقلاتماق

جالداقلىتىشماق

جالداقلىماق

جالدىر

جالدىر-جالدىر

جالدىر-جۇلدۇر

جالدىرلاتماق

جالدىرلاشماق

جالدىرلىماق

جالغاي

جاللا

جاللاپ

جاللاپلىق

جاللات

جاللاتلىق

جالىق

جام

جاماⅠ

جاماⅡ

جامائە

جامائەت

جامائەتچىلىك

جامائەتلىك

جامادىيەلئاخىر

جامادىيەلئەۋۋەل

جامال

جامە

جامبۇ

جامكا

جان

جان باقار

جان باقماق

جاناب

جانابىي

جانان

جانان چىنە

جانانە

جانباز

جانبازلىق

جان-تەن

جان-جانىۋار

جان-جەھل

جان-جېنى

جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك

جانجىگەر

جانجىگەرلىك

جاندار

جان-دىل

جانسىز

جانسىزلاندۇرماق

جانسىزلاندۇرۇشماق

جانسىزلاندۇرۇلماق

جانسىزلانماق

جانسىزلىق

جانلاندۇرماق

جانلاندۇرۇش

جانلاندۇرۇشماق

جانلاندۇرۇلماق

جانلانماق

جانلىق

جانلىق تىل

جانلىقلار

جانلىقلىق

جانىجان

جان-ئىمان

جانىۋار

جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى

جاھات

جاھاز

جاھازلاتماق

جاھازلانماق

جاھازلىق

جاھازلىماق

جاھالەت

جاھالەتپەرەس

جاھالەتپەرەسلىك

جاھالەتچىلىك

جاھالەتلىك

جاھان

جاھان تۇتماق

جاھانچە

جاھاندارچىلىق

جاھانسازلىق

جاھانشۇمۇل

جاھانكەچتى

جاھانكەچتىلىك

جاھانكەزدى

جاھانكەزدىلىك

جاھانگىر

جاھانگىرپەرەس

جاھانگىرپەرەسلىك

جاھانگىرلىك

جاھاننەما

جاھىل

جاھىلانە

جاھىللاشتۇرماق

جاھىللاشماق

جاھىللىق

جاۋا

جاۋاب

جاۋابەن

جاۋابسىز

جاۋابكار

جاۋابكارلىق

جاۋابلاشماق

جاۋابلىق

جاۋابنامە

جاۋاھىر

جاۋاھىرات

جاۋاھىرپۇرۇش

جاۋەن

جاۋەنلىك

جاۋۇر

جاۋىخانا

جاۋىغا

جاۋىغاي

جاۋىلداتماق

جاۋىلداشماق

جاۋىلداق

جاۋىلداقلىق

جاۋىلدىماق

جاي

جاي-جايى

جايسىز

جايسىزلىق

جايلاتماق

جايلاشتۇرماق

جايلاشماق

جايلانماق

جايلىق

جايلىماقⅠ

جايلىماقⅡ

جايناماز

جاينامازلىق

جايىدا

جايىز

جەبرائىل

جەبىر

جەبىر-جاپا

جەبىر-زۇلۇم

جەبىرلەنمەك

جەپسەك

جەد (جەددى)

جەدە

جەددى-جەمەت

جەدۋەل

جەدۋەللەشتۈرمەك «

جەدۋەللەشمەك

جەدۋەللىك

جەدى

جەدىت

جەدىتلىك

جەرەن

جەرراھ

جەرراھلىق

جەرىمانە

جەريان

جەريانلىق

جەزⅠ

جەزⅡ

جەزبۇزار

جەزخانا

جەزخور

جەزخورلۇق

جەزلىك

جەزم

جەزمەن

جەزمەنلەشمەك

جەزمەنلىك

جەزملەشتۈرمەك

جەزملەشتۈرۈشمەك

جەزملەشتۈرۈلمەك

جەزملەشمەك

جەزىرە

جەزىرىلىك

جەزىرىمە

جەسەت

جەسۇر

جەسۇرانە

جەسۇرلاشماق

جەسۇرلۇق

جەگە

جەگىلىك

جەڭ

جەڭچى

جەڭچىلىك

جەڭگاھ

جەڭگى-جېدەل

جەڭگىۋار

جەڭگىۋارلاشتۇرماق

جەڭگىۋارلاشماق

جەڭگىۋارلىق

جەڭنامە

جەلپ

جەلپكار

جەلپكارلىق

جەلپلىك

جەللە

جەم

جەمەت

جەمەتلىك

جەمبىل

جەملەتمەك

جەملەشمەك

جەملەنمەك

جەملىمەك

جەمئىي

جەمئىيەت

جەمئىيەتشۇناس

جەمئىيەتشۇناسلىق

جەمئىيەتلىك

جەندە

جەندىر

جەننەت

جەننەتقۇشى

جەننىتىي

جەنۇب

جەنۇبىي

جەنيى

جەھەت

جەھەننەم

جەھرە

جەھرىخانا

جەۋزا

جەۋلان

جەۋلان قىلماق

جەۋھەر

جەينەك

جەينەكلەتمەك

جەينەكلەشمەك

جەينەكلەنمەك

جەينەكلىك

جەينەكلىمەك

جوتاڭ

جوتۇ

جوجەي

جوجو

جودا

جوداچى

جودالاشماق

جور

جورا

جوراتماق

جوراشماق

جورلۇق

جورۇتماق

جورۇشماق

جورۇق

جورۇقچىلىق

جورۇماق

جورىلىق

جورىماق

جوزا

جوزا-بەندىڭ

جوغا

جوغدا

جوغداي

جوغدۇن

جوغدىيەك

جوغىلىق

جوقا

جوڭسا

جول

جولاپ

جومباق

جون

جونداق

جونلانماق

جونلۇق

جونۇشماق

جونۇماق

جوھۇت

جوۋاتماق

جوۋاشماق

جوۋالغۇ

جوۋىماق

جۇ

جۇاڭزۇ

جۇتⅠ

جۇتⅡ

جۇتاقاتماق

جۇتاقاشماق

جۇتاقىماق

جۇتچىلىق

جۇت-شىۋىرغان

جۇتلۇق

جۇخارگۈل

جۇدا

جۇدالاشماق

جۇدالىق

جۇدۇن

جۇدۇن-چاپقۇن

جۇدۇن-چاپقۇنلۇق

جۇدۇنلۇق

جۇزبۇۋا

جۇش

جۇشقۇن

جۇشقۇنلاتماق

جۇشقۇنلاشماق

جۇشقۇنلانماق

جۇشقۇنلۇق

جۇشقۇنلىماق

جۇغⅠ

جۇغⅡ

جۇغⅢ

جۇغ-جەم

جۇغ-جۇغ

جۇغراپىيە

جۇغراپىيىچى

جۇغراپىيىشۇناس

جۇغراپىيىلىك

جۇغراپىيىۋى

جۇغغىدە

جۇغلاتماق

جۇغلاشماق

جۇغلانما

جۇغلانماق

جۇغلىماق

جۇغۇلداتماق

جۇغۇلداشماق

جۇغۇلدىماق

جۇگۇۋاز

جۇڭ

جۇڭ سۆرەشمەك

جۇڭجياڭ

جۇڭجياڭلىق

جۇڭخۇا

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

جۇڭخۇا مىللىتى

جۇڭخۇا مىنگو

جۇڭسەنفۇ

جۇڭشى

جۇڭشياۋ

جۇڭگو

جۇڭگوچە

جۇڭگوشۇناس

جۇڭگوشۇناسلىق

جۇڭگولۇق

جۇڭۋېي

جۇڭيى

جۇل

جۇلاⅠ

جۇلاⅡ

جۇلاسىز

جۇلالانماق

جۇلالىق

جۇلالىماق

جۇلان

جۇل-جۇل

جۇلدارىماق

جۇلدۇر

جۇلۇق

جۇمھۇرىيەت

جۇمھۇرىيەتچى

جۇمھۇرىيەتچىلىك

جۇمھۇرىيەتلىك

جۇمۇ

جۇمۇسىلا

جۇنۇپ

جۇنۇپلۇق

جۇنۇن

جۇنۇنلۇق

جۇۋاⅠ

جۇۋىسىنى تەتۈر كىيمەك

جۇۋاⅡ

جۇۋاز

جۇۋازچى

جۇۋازچىلىق

جۇۋازخانا

جۇۋالدۇرۇز

جۇۋان

جۇۋانلىق

جۇۋاۋا

جۇۋاينىمەك

جۇۋۇشكا

جۇۋىچى

جۇۋىچىلىق

جۇۋىلىق

جۇۋىنە

جۇيازا

جۆنەتمەك

جۆنەشمەك

جۆنەلمەك

جۆنتىمەك

جۆندەتمەك

جۆندەشمەك

جۆندەك

جۆندەلمەك

جۆندىمەك

جۆنىمەك

جۆۋەندە

جۆيلۈشمەك

جۆيلۈمەك

جۈپ

جۈپ سان

جۈپ سۆز

جۈپتەك

جۈپتەكلىمەك

جۈپ-جۈپ

جۈپسىز

جۈپلەتمەك

جۈپلەشمەك

جۈپلەنمەك

جۈپلۈك

جۈپلىمە

جۈپلىمەك

جۈجەم

جۈدەتمەك

جۈدەڭ

جۈدەڭگۈ

جۈدەڭگۈلۈك

جۈدەڭلىك

جۈدىمەك

جۈرئەت

جۈرئەتسىز

جۈرئەتسىزلەنمەك

جۈرئەتسىزلىك

جۈرئەتلەنمەك

جۈرئەتلىك

جۈزنەك

جۈزئىي

جۈزئىيلىك

جۈسەي

جۈسۈن

جۈسۈنلەتمەك

جۈسۈنلۈك

جۈسۈنلىمەك

جۈلگۈمەك

جۈمە

جۈمەك

جۈمەكلىك

جۈمەلەتمەك

جۈمەلىمەك

جۈملە

جۈملىدىن

جۈملىمۇجۈملە

جۈن

جۈنتۇەن

جۈنجاڭ

جۈنجاڭلىق

جۈنۋېي

جې

جېدەل

جېدەلچى

جېدەلخور

جېدەلخورلۇق

جېدەلكەش

جېدەلكەشلىك

جېدەللەتمەك

جېدەللەشتۈرمەك

جېدەللەشمەك

جېدەللىمەك

جېدەل-ماجىرا

جېسەك

جېسەكچى

جېسەكچىلىك

جېكىلەتمەك

جېكىلەشمەك

جېكىلەنمەك

جېكىلىمەك

جېمە

جېنەستە

جېنەستىلىك

جېنتىيانا

جېندەن

جېندى

جى

جىبۇتى

جىپ

جىپسا

جىپسىلاتماق

جىپسىلاشتۇرماق

جىپسىلاشتۇرۇشماق

جىپسىلاشتۇرۇلماق

جىپسىلاشماق

جىپسىلانماق

جىپسىلىق

جىپسىلىماق

جىتۇەنجۈن

جىجىق

جىجىماق

جىددىي

جىددىيلەشتۈرمەك

جىددىيلەشتۈرۈشمەك

جىددىيلەشتۈرۈلمەك

جىددىيلەشمەك

جىددىيلىك

جىر

جىرا

جىرتاق

جىرچى

جىرغا

جىرغاتماق

جىرغاشماق

جىرغىلاق

جىرغىلاڭ

جىرغىماق

جىرمە

جىرىس

جىرىڭ

جىرىڭ-جىرىڭ

جىرىڭڭىدە

جىرىڭلاتماق

جىرىڭلاشماق

جىرىڭلىماق

جىرىمⅠ

جىرىمⅡ

جىرىملىق

جىز

جىزا

جىز-جىز

جىززىدە

جىزىلداتماق

جىزىلداشماق

جىزىلدىماق

جىس

جىسا

جىسالىق

جىسمانىي

جىسمانىيەت

جىسىم

جىغ

جىغا

جىغان

جىغانلىق

جىغ-جىغ

جىغغىدە

جىغىلداتماق

جىغىلداشماق

جىغىلدىماق

جىق

جىقايتماق

جىقايماق

جىققىدە

جىقلاتماق

جىقلانماق

جىقلىق

جىقلىماق

جىك

جىگەر

جىگەر-باغرى

جىگەرپارە

جىگەرسىز

جىگەرسىزلىك

جىگەرلىك

جىگدە

جىگدە پۇراپ قالماق

جىگدىچۈك

جىگدىچى

جىگدىلىك

جىگىردەك

جىڭⅠ

جىڭ

جىڭپو

جىڭجۈي

جىڭچى

جىڭزۇ

جىڭغاتماق

جىڭغاشماق

جىڭغىماق

جىڭگۇك

جىڭگىر

جىڭگىل

جىڭگىلەك

جىڭگىلىماچ

جىڭلاتماق

جىڭلاشماق

جىڭلانماق

جىڭلىقⅠ

جىڭلىقⅡ

جىڭلىماق

جىڭموما

جىلەⅠ

جىلەⅡ

جىلتا

جىلد

جىلدلانماق

جىلدلىق

جىلدلىماق

جىلدىر

جىلدىر-جىلدىر

جىلدىرلاتماق

جىلدىرلاشماق

جىلدىرلىما

جىلدىرلىماق

جىلدىرلىمىلىق

جىلغا

جىلغىلىق

جىلمايتماق

جىلمايماق

جىلمىيىشماق

جىلۋە

جىلۋىلەندۈرمەك

جىلۋىلەندۈرۈشمەك

جىلۋىلەندۈرۈلمەك

جىلۋىلەنمەك

جىلۋىلىك

جىلىتكە

جىلىتكىلىك

جىلىچىلىك

جىلىخور

جىلىخورلۇق

جىم

جىمبۇ

جىمبۇ-جاۋەن

جىمبىل

جىمبىللىق

جىمجىت

جىمجىتلاشماق

جىمجىتلىق

جىم-جىم

جىملىق

جىممىدە

جىمى

جىمىتماق

جىمىر

جىمىر-جىمىر

جىمىرلاتماق

جىمىرلاشماق

جىمىرلىماق

جىمىشماق

جىمىغۇر

جىمىغۇرلاشماق

جىمىغۇرلۇق

جىمىقتۇرماق

جىمىقتۇرۇلماق

جىمىقماق

جىمىقىشماق

جىمىكى

جىمىلەشمەك

جىمىلىمەك

جىمىماق

جىن

جىنازا

جىن-ئالۋاستى

جىنايەت

جىنايەتچى

جىنايەتكار

جىنايەتكارانە

جىنايەتلىك

جىنايى

جىن-ئەرۋاھ

جىنئەنجۈرى

جىنتەك

جىنچاتقىلى

جىنچىراغ

جىندەك

جىندىخانا

جىنس

جىنسداش

جىنسداشلىق

جىنسسىز

جىنسىزلىق

جىنسلىق

جىنسىي

جىنسىيەت

جىن-شاياتۇن

جىن-شەيتان

جىنكەش

جىنكەشلىك

جىنكېۋىزى

جىنئۈزۈمى

جىنياڭيۇسى

جىۋەك

جىۋەكلىك

جىۋجىل

جىۋىر

جىۋىر-جىۋىر

جىۋىرلاشماق

جىۋىرلىماق

جياڭجۈن

جياڭگۇەن

جياڭلىڭ

جياۋبۇ

جىيەك

جىيەكلىك

جىيەن

جىيرەن

جىيىن

جىيىنلىق

ئىزاھى

ج

  • ج[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئالتىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئالتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ج» ھەرپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ج»؛ بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ج»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ج»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ج»، ئاتىلىشى ياكى نامى «جې» بولىدۇ.

  • «ج» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئالدى قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشىغا، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتلىغۇچى سىيرلاڭغۇ تاۋۇشقا، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشقا تەۋەدۇر.

  • «ج» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. ئاخىرى «ج» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان بىر قىسىم سۆزلەر يەككە ھالىتىدە تۇرغاندا، ھەمدە ئاخىرىغا ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، نۇتۇقتا «ژ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئەمما ئىملادا «ج» يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • باج-باجلاش باژ-باژلاش

  • كاج-كاجلىق كاژ-كاژلىق

  • 2. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىدىكى بوغۇمى «ج» تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىنكى بوغۇمنىڭ بېشى «ج» ۋە «ر» دىن باشقا تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان بولسا، ئىملادا «ج» يېزىلىپ، نۇتۇقتا «ژ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ئىجتىمائىي ئىژتىمائىي

  • ئۈجمە ئۈژمە

  • 3. بىرىنچى تەركىبى «ج» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «ج» بىلەن باشلىنىدىغان ياكى «ر» بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچە قوشۇلغاندا «ج» تاۋۇشى «ژ» غا ئۆزگەرتىلمەي ئەينەن يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • مۇنەججىم مۇنەججىم

  • ھوجرا ھوجرا

جاⅠ

  • جاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئىشەنگىلى بولمايدىغان، ئاساسسىز، ساختا، يالغان:[مىسال:] جا گەپ، جا ئىش.

جاⅡ

  • جاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «بولماق، قىلماق، ئەيلىمەك» پېئىللىرى بىلەن بىللە كېلىپ «ئورۇنلاشماق، ئورۇنلاشتۇرماق» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ:[مىسال:] كۆيۈكنى دىلغا جا ئەيلە، ساڭا دىلدار كېرەك بولسا.

جابدۇتماق

  • جابدۇتماق[يەشمىسى:] «جابدۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جابدۇشماق

  • جابدۇشماق[يەشمىسى:] «جابدۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار ئۆينى جابدۇشۇپ بولۇپ، ھويلىغا چىقىشتى.

جابدۇق

  • جابدۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەر خىل قورال-سايمان، ئەسۋاب، جاھاز، سەرەمجان؛ بېزەك، بۇيۇملار:[مىسال:] ئۆي جابدۇقلىرى.[يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغلارنىڭ ئېگەر-توقۇم، يۈگەن-نوختىلىرى. [يەشمىسى:] ③ تەييارلىق، ھازىرلىق:[مىسال:] جابدۇقۇم پۈتسە، بۇرۇنراق يولغا چىقاي دەيمەن، دېدى نوشىرۋان تەيجى.

جابدۇقلۇق

  • جابدۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جابدۇقى بار، جابدۇلغان:[مىسال:] نۇردىن ئۇنىڭغا ئېتىنى يىپەك توقۇم، ئالتۇن جابدۇقلۇق ئېگەر بىلەن ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ.

جابدۇلماق

  • جابدۇلماق[يەشمىسى:] «جابدۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپ ئۆتمەيلا جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىشىپ ئوپمۇ ئوخشاش جابدۇلغان 40 مەپە كەپتۇ.

جابدۇماق

  • جابدۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەييارلىماق، ھازىرلىماق:[مىسال:] شاھزادە بىلەن مەلىكە زۆھرە پاتىمىنى جابدۇپ، ناۋاي ئېرىنى قوشۇپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② ياسىماق، بېزىمەك، زىننەتلىمەك:[مىسال:] ئۆينى جابدۇماق.

جابدۇنماق

  • جابدۇنماق[يەشمىسى:] «جابدۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تويغا جابدۇنماق. * تاز جابدۇنغۇچە توي تارقاپتۇ (ماقال).

جاپ

  • جاپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئاغزى بېسىقماي سۆزلەش ھالىتىگە تەقلىد قىلىنىدۇ.

جاپا

  • جاپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئازاب-ئوقۇبەت، كۈلپەت، مۇشەققەت، قىيىنچىلىق، ئېغىرچىلىق:[مىسال:] جاپا تارتماق. * ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا كەلمەس (ماقال).

جاپاسىز

  • جاپاسىز[مىسال:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاپاسى يوق، جاپالىق ئەمەس، ئاسان:[مىسال:] ئەخمەتنىڭ خېلى پەمى بار، كۈتۈپ تۇرۇپ جاپاسىز ئىشلارنى تاللىيالايدۇ.

جاپاكەش

  • جاپاكەش[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاپا چەككۈچى، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقۇچى:[مىسال:] جاپاكەش دېھقان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەر ئاققۇزۇپ مېھنەت قىلىدىغان، مېھنەت سۆيەر كىشى.

جاپاكەشلىك

  • جاپاكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاپا چېكىش، ئازاب، كۈلپەت، ئېغىرچىلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈش.

جاپالىق

  • جاپالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەبىر-جاپاسى بار؛ مۈشكۈل، قىيىن، تەس:[مىسال:] جاپالىق يىللار.

جاپا-مۇشەققەت

  • جاپا-مۇشەققەت[يەشمىسى:] تۈرلۈك جاپا ۋە مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت، قىيىنچىلىق:[مىسال:] ئۇ نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت تارتىپ، قۇشنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىپ، ئاخىرى قۇشنى تۇتۇپ كەلدى.

جاپ-جاپ

  • جاپ-جاپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاغزى بېسىقمايدىغان، ئىتتىك، تولا ۋە قالايمىقان سۆزلەيدىغان؛ ۋالاقتەگكۈر؛ ۋات-ۋات:[مىسال:] جاپ-جاپ خوتۇن.

جاپ-جاپلىق

  • جاپ-جاپلىق[يەشمىسى:] ئاغزى بېسىقماي سۆزلەيدىغان خاراكتېر، ۋالاقتەگكۈرلۈك، ۋات-ۋاتلىق:[مىسال:] جاپ-جاپلىق قىلماق.

جاجا

  • جاجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ① جازا:[مىسال:] تازا جاجىسىنى يېدى.[يەشمىسى:] ② چارە-تەدبىر، ئىلاج:[مىسال:] بۇنىڭ جاجىسى بىر تال سەرەڭگە، ھەممىسىنى بىر يەرگە دۆۋىلەيمىز-دە، بىر تال سەرەڭگە بىلەن ئوت قويىمىز، ئىش تامام، ۋەسسالام.

جادا

  • جادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ توغراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، جازىغا بېكىتىلگەن تىغلىق تۆمۈر سايمان:[مىسال:] جادىغا باسماق.

جادۇ

  • جادۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۆز باغلاش، سېھىر قىلىش، مەپتۇن قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سېھىرلىك ھەرىكەت ۋە دۇئالار:[مىسال:] جادۇ قىلماق.

جادۇگەر

  • جادۇگەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① جادۇ قىلغۇچى، سېھىرگەر، ئەپسۇنچى:[مىسال:] جادۇگەر خوتۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەييار، مەككار، ھىيلىگەر؛ ئالدامچى:[مىسال:] جادۇگەر قېرى.

جادۇگەرلىك

  • جادۇگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەييارلىق، مەككارلىق، ھىيلىگەرلىك؛ ئالدامچىلىق:[مىسال:] جادۇگەرلىك قىلماق. * بەزى كىشىلەر جەمئىيەتنى جادۇگەرلىك ھاۋاسى بىلەن بۇرۇقتۇرما قىلماقتا.

جادىھەرە

  • جادىھەرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جادا+ھەرە[[يەشمىسى:] ياغاچنى توغرىسىغا كېسىدىغان ھەرىنىڭ بىر خىلى.

جارⅠ

  • جارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۇچلۇق، قاتتىق نەرسىلەرنىڭ سۈركىلىشىدىن چىققان ئاۋاز.

جارⅡ

  • جارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «سالماق» پېئىلى بىلەن بىللە كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] ① جارچى قويۇپ، ھەممىگە خەۋەر بەرمەك، ئېلان قىلماق:[مىسال:] ئۇ ھاكىمغا ئېلى نۇردىننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ھەققىدە جاكارچىنىڭ كوچا-كوچىلاردا جار سېلىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ تارقاتماق، ھەممىگە بىلدۈرمەك:[مىسال:] ئاق ئېيىق پۇتىنى تېڭىۋېلىپ بارغانلا يەردە: مەن قوشنىلارغا ئوت ئۆچۈرۈشۈپ بېرىش جەريانىدا شەرەپ بىلەن يارىدار بولدۇم، دەپ جار سېلىپ يۈرۈپتۇ. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋارقىرىماق، غەلۋە قىلماق؛ جېدەل قىلماق:[مىسال:] ئەزىمەت: بۇ پارقىرىمايدىكەن، ماڭا ئاۋۇ كىشىنىڭ قىلىچىدەك قىلىچنى تېپىپ بەر، دەپ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى قىلىچ تۇتقان كىشىنى كۆرسىتىپ، جار سېلىشقا باشلىدى.

جاراستان

  • جاراستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نەق مەيدان، كۆپچىلىكنىڭ ئالدى، ئامما ئارىسى.

جاراق

  • جاراق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چىنە-قاچا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ سىلكىنىشى، ئۆزئارا ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] «پوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشكاپ ئىچىدىكى چىنىلەر «جاراق» قىلىپ كەتتى.

جاراق-جاراق

  • جاراق-جاراق[يەشمىسى:] «جاراق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] جاراق-جاراق قىلماق.

جاراق-جۇرۇق

  • جاراق-جۇرۇق[يەشمىسى:] «جاراق» قىلغان ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] توساتتىن كامېر ئىشىكى جاراق-جۇرۇق قىلىپ ئېچىلدى.

جاراققىدە

  • جاراققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جاراق» قىلغان ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «جاراق» قىلىپ:[مىسال:] تۇردى ئۆيدىن چىقىپ بوسۇغىغا پۇتلاشتى-دە، قولىدىكى تەخسىلەر «جاراققىدە» يەرگە چۈشتى.

جاراقلاتماق

  • جاراقلاتماق[يەشمىسى:] «جاراقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاراقلىماق

  • جاراقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جاراق-جاراق قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئىشىك جاراقلاپ كەتتى.

جاراڭ

  • جاراڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مېتال، چىنە، شېشە قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] جاراڭ قىلماق.

جاراڭ-جاراڭ

  • جاراڭ-جاراڭ[يەشمىسى:] «جاراڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جاراڭ-جۇرۇڭ

  • جاراڭ-جۇرۇڭ[يەشمىسى:] «جاراڭ» قىلغان ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] يېقىندىن بېرى ئاشۇ ئۆيدىن تەخسە ۋە ھاراق رومكىلىرىنىڭ جاراڭ-جۇرۇڭلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولدى.

جاراڭسىز

  • جاراڭسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جاراڭلىق ئاۋاز چىقمايدىغان، جاراڭلىمايدىغان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تەلەپپۇز قىلغاندا تاۋۇش پەردىسى تىترىمەستىن پەيدا بولىدىغان:[مىسال:] جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.

جاراڭسىزلاشتۇرماق

  • جاراڭسىزلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «جاراڭسىزلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاراڭسىزلاشتۇرۇلماق

  • جاراڭسىزلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «جاراڭسىزلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جاراڭسىزلاشماق

  • جاراڭسىزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جاراڭسىز ھالەتكە كەلمەك، جاراڭسىز ئوقۇلماق.

جاراڭسىزلىق

  • جاراڭسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاراڭلىق ئاۋاز چىقارماسلىق، جاراڭسىز ھالەت.

جاراڭڭىدە

  • جاراڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جاراڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «جاراڭ» قىلىپ:[مىسال:] جاراڭڭىدە قىلماق.

جاراڭلاتماق

  • جاراڭلاتماق[يەشمىسى:] «جاراڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاراڭلاشماق

  • جاراڭلاشماق[يەشمىسى:] «جاراڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جاراڭلىق

  • جاراڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جاراڭلايدىغان، جاراڭلاپ چىقىدىغان:[مىسال:] داڭنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى مەكتەپ مۇھىتىنى تىترەتتى.[يەشمىسى:] ② ئۈنلۈك، ياڭراق، كۈچلۈك:[مىسال:] رەھمەتجاننىڭ ئاۋازى شۇنداق جاراڭلىق ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تەلەپپۇز قىلغاندا تاۋۇش پەردىسىنى تىترىتىپ چىقىدىغان:[مىسال:] جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.

جاراڭلىماق

  • جاراڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «جاراڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جاراڭ» قىلماق:[مىسال:] قوڭغۇراق جاراڭلىدى.[يەشمىسى:] ② ياڭرىماق:[مىسال:] تۇتىيا دېگەن بۇ سۆز قەشقەر ئاسمىنىدا مەغرۇر جاراڭلايتتى.

جاراھەت

  • جاراھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] يارا، چاقا؛ يارا چىققان، زەخىملەنگەن جاي.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زەرەر، زىيان-زەخمەت، دەخلى، كاشىلا:[مىسال:] زاۋۇت رەھبەرلىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ جاراھەتلىرىنى تۈگىتىشكە ناھايىتى زور قەدەم تاشلىماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۈرەكتىكى دەرد-ئەلەم، ئېغىر خاپىلىق، كۆڭۈلسىزلىك:[مىسال:] مۇبادا، شەمەر مۇشۇ ئىش بىلەن ئۇنىڭ قەلبىگە جاراھەت سالسا مەيلى.

جاراھەتلەندۈرمەك

  • جاراھەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «جاراھەتلەنمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاراھەتلەندۈرۈشمەك

  • جاراھەتلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «جاراھەتلەندۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جاراھەتلەندۈرۈلمەك

  • جاراھەتلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «جاراھەتلەندۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جاراھەتلەنمەك

  • جاراھەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جاراھەت پەيدا بولماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جاراھەتلىنىپ، يۈز-كۆزلىرى، پۈتۈن بەدەنلىرى قانغا مىلىنىپ كەتتى.

جاراھەتلىك

  • جاراھەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جاراھەت بولغان، جاراھەتلەنگەن، يارىلانغان:[مىسال:] جاراھەتلىك قول.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد تارتقان، دەرد-ئەلەم كۆرگەن، ئازار يېگەن؛ دەردلىك:[مىسال:] جاراھەتلىك دىلىمغا ئازار بەرمە.

جارت

  • جارت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] رەخت ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يىرتىلىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] يېڭىم جارت قىلىپ يىرتىلدى.

جارتتىدە

  • جارتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جارت» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «جارت» قىلىپ:[مىسال:] ئەخمەت كىتابنى جارتتىدە قىلىپ يىرتتى-دە، ئايشەمنىڭ ئالدىغا غەزەپ بىلەن تاشلىدى.

جارت-جارت

  • جارت-جارت[يەشمىسى:] «جارت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جارت-جۇرت

  • جارت-جۇرت[يەشمىسى:] «جارت»قىلغان ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] رۇقىيە قولىدىكى ئىككى بېلەتنى جارت-جۇرت قىلىپ يىرتىپ تاشلىۋەتتى.

جارتىلداتماق

  • جارتىلداتماق[يەشمىسى:] «جارتىلدىماق» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جارتىلداق

  • جارتىلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش.

جارتىلدىماق

  • جارتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جارت-جارت» قىلغان ئاۋاز چىقارماق.

جارجات

  • جارجات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ كۆڭلەك كىيىشىگە مۇۋاپىق توقۇلغان بىر خىل نېپىز يۇڭ رەخت.

جار-جۇر

  • جار-جۇر[يەشمىسى:] قالايمىقان ۋارقىراشتىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] جار-جۇر قىلىشماق.

جارچى

  • جارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جاكارچى:[مىسال:] شۇ ئەسنادا ئۇيغۇر ئۇيۇشما تەرەپتىن ئېگىز بويلۇق بىر جارچى كانىيى يېرىلغۇدەك ۋارقىراپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا كىرىپ كەلمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەشۋىقاتچى:[مىسال:] ئۇنىڭ ماھىر قوللىرى:[مىسال:] «فېئودالىزم، كاپىتالىزم، شيۇجېڭجۇيىنىڭ سادىق جارچىسى» دېگەن بەتنام بىلەن ئۇرۇپ چېقىلغانىدى.

جاررىدە

  • جاررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جار» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «جار» قىلىپ:[مىسال:] جاررىدە چېلىنغان قوڭغۇراق ئاۋازى ساۋاقداشلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى بېسىپ چۈشتى.

جارقىراتماق

  • جارقىراتماق[يەشمىسى:] «جارقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جارقىراشماق

  • جارقىراشماق[يەشمىسى:] «جارقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ۋارقىرىشىپ، جارقىرىشىپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

جارقىرىماق

  • جارقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جار-جۇر ۋارقىرىماق، توۋلىماق:[مىسال:] ئالىتاغىل جارقىرىماق.

جارۇپ

  • جارۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سۈپۈرگە.

جارۇپكەش

  • جارۇپكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تازىلىق ئىشچىسى.

جارۇپكەشلىك

  • جارۇپكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تازىلىق ئىشچىلىقى.

جارى

  • جارى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] توختاپ قالمىغان، داۋاملاشقان، راۋان:[مىسال:] جارى بولماق، جارى قىلماق. * بىر يىلغا تولدى ئۇنىڭ ۋاپاتى، تىللاردا جارى تۈرلۈك سىپاتى.

جاز

  • جاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «چوم»غا قاراڭ.

جازا

  • جازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەيىب ياكى جىنايىتى ئۈچۈن كۆرۈلىدىغان چارە:[مىسال:] ئۆلۈم جازاسى بەرمەك.

جازا

  • جازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ياغاچ ۋە تۈرلۈك مېتاللارنىڭ بىر-بىرىگە چېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەرسىلەرنى تىزىپ قويۇش ياكى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل شەكىلدىكى قۇرۇلما:[مىسال:] كىتاب جازىسى.[يەشمىسى:] ③ نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىغا ھەر خىل شەكىلدە بېكىتىلگەن گىرۋەك، رام:[مىسال:] ئەينەك جازىسى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان بىر خىل ئادەت؛ كىبىر:[مىسال:] جازا پەيدا بولماق. جازىسى ئۈستۈن.

جازالاتماق

  • جازالاتماق[يەشمىسى:] «جازالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جازالاشماق

  • جازالاشماق[يەشمىسى:] «جازالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جازالانماق

  • جازالانماق[يەشمىسى:] «جازالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ھەقىقەتەنمۇ جازالىنىشقا لايىق ئىدى.

جازالىماق

  • جازالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جازا بەرمەك، جازاغا تارتماق:[مىسال:] پادىشاھ كۆڭلىدە ۋەزىرنىڭ گېپىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىپتۇ-دە، دانىشمەننى جازالىماقچى بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② تېگىشلىك زىيانغا ئۇچراتماق؛ ئەدىپىنى، دەككىسىنى بەرمەك:[مىسال:] كۆپ ئوغۇت قۇيساق باقار بىزنى زېمىن، قۇيمىساق كۈزدە جازالايدۇ زېمىن.

جازانامە

  • جازانامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىنايى قىلمىشلار ئۈچۈن كۆرۈلگەن چارە توغرىسىدىكى ھۆكۈم يېزىلغان قەغەز، ھۆججەت:[مىسال:] ئابلا ئۆزىگە بېرىلگەن جازانامىنى كۆرمەكچى بولغاندەك، قوللىرى تىترەيتتى.

جازانە

  • جازانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] يۇقىرى ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن، باشقىلارغا چەكلىك مۇددەتتە قەرز بېرىلگەن پۇل ۋە ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قولى قىسقا كىشىلەرگە ئۆسۈمگە پۇل تارقىتىپتۇ. بوينى جازانە سىرتمىقىغا چىگىلگەن كىشىلەر ئون نەچچىگە يېتىپتۇ.

جازانىخور

  • جازانىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا جازانىگە نەرسە-كېرەك بېرىدىغان ۋە بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن:[مىسال:] ئەپەندىمنىڭ بىر جازانىخور تونۇشى بار ئىكەن.

جازانىخورلۇق

  • جازانىخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا جازانىگە نەرسە-كېرەك بېرىش ئىشى، ئادىتى:[مىسال:] جازانىخورلۇق قىلماق.

جازىبە

  • جازىبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تارتىش كۈچى:[مىسال:] يەر شارىنىڭ جازىبىسى.

جازىبىلىك

  • جازىبىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىگە تارتىدىغان، جەلپ قىلارلىق؛ سېھىرلىك:[مىسال:] چوكاننىڭ جازىبىلىك كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلدى.

جازىپۇش

  • جازىپۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگە چومىنىڭ ئۈستىگە سالىدىغان ئۇزۇن كىگىز.

جازىسىز

  • جازىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جازىسى يوق، جازا ئورنىتىلمىغان.

جازىلاتماق

  • جازىلاتماق[يەشمىسى:] «جازىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جازىلاشماق

  • جازىلاشماق[يەشمىسى:] «جازىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جازىلانماق

  • جازىلانماق[يەشمىسى:] «جازىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جازىلىق

  • جازىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جازىسى بار، جازىلانغان، جازا ئورنىتىلغان؛ جازا ئىچىگە ئېلىنغان:[مىسال:] جازىلىق رەسىم.

جازىلىماق

  • جازىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جازا ئورناتماق؛ جازا ئىچىگە ئالماق:[مىسال:] رەسىمنى جازىلىماق. ئەينەكنى جازىلىماق.

جاسارەت

  • جاسارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەردانىلەرچە ئىش-ھەرىكەت؛ مەردلىك، باتۇرلۇق؛ جەسۇرلۇق:[يەشمىسى:] جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەك.

جاسارەتسىز

  • جاسارەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاسارىتى يوق، جۈرئەتسىز:[مىسال:] مەن ھەقىقەتەن جاسارەتسىز قىز ئىكەنمەن.

جاسارەتسىزلىك

  • جاسارەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاسارىتى يوقلۇق، جۈرئەتسىزلىك:[مىسال:] جاسارەتسىزلىك قىلماق.

جاسارەتلەندۈرمەك

  • جاسارەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «جاسارەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاسارەتلەندۈرۈشمەك

  • جاسارەتلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «جاسارەتلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جاسارەتلەندۈرۈلمەك

  • جاسارەتلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «جاسارەتلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جاسارەتلەنمەك

  • جاسارەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جاسارەتكە تولماق، جاسارەتكە ئىگە بولماق؛ غەيرەتكە كەلمەك، روھلانماق:[مىسال:] كەچقۇرۇن كۆز باغلانغان مەھەل بىلەن قىسمەت چورۇق ئۆز خىياللىرىنى پىشۇرۇپ، بىردىنلا جاسارەتلىنىپ قالدى.

جاسارەتلىك

  • جاسارەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاسارىتى بار، جاسارەتكە ئىگە، جۈرئەتلىك، باتۇر:[مىسال:] جاسارەتلىك ئادەم.

جاساق

  • جاساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمىدە خانلىق تەرىپىدىن يەرلىك ۋاڭ-گۇڭلارغا، بالىسىدىن بالىسىغا باقىمەندە قىلىپ بېرىلگەن يەر ۋە پۇقرا؛ تەۋەلىك.

جاسەي

  • جاسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جاسەي گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ غولىغا لازا، پۇراقلىق ماتېرىياللار قوشۇلۇپ، چىلاش ئارقىلىق تەييارلانغان خام سەي.

جاسۇس

  • جاسۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئايغاقچى، پايلاقچى، ئىشپىيون:[مىسال:] جاسۇسلارنى تازىلىماق.

جاسۇسلۇق

  • جاسۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاسۇسلار ئېلىپ بارغان ھەرىكەت، ئايغاقچىلىق، پايلاقچىلىق:[مىسال:] جاسۇسلۇق قىلماق. ∥ جاسۇسلۇق ھەرىكەت.

جاغⅠ

  • جاغⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشنىڭ چىش ئورناشقان جايى. ئۇ تۆۋەنكى جاغ، ئۈستۈنكى جاغ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ:[مىسال:] ج?※?سۆڭىكى.

جاغⅡ

  • جاغⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قەلەيلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.

جاغال

  • جاغال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىزغۇچ سېرىق:[مىسال:] جاغال ئۆچكە.

جاغالماي

  • جاغالماي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] شۇڭقار تىپىدىكى يىرتقۇچ قۇش.

جاغ-جاغ

  • جاغ-جاغ[يەشمىسى:] «جاغⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جاغجاغئوت

  • جاغجاغئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جاغ+جاغ+ئۇت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، زەھەر تارقىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، سۈت كۆپەيتىش قاتارلىق روللىرى بار.

جاغدا

  • جاغدا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاسان كۈچىدىن قالمايدىغان، قېرىمايدىغان:[مىسال:] جاغدا ئادەم. * جاغدا قېرىماس، ئوغرى بېيىماس. (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۇزۇن تۇرىدىغان:[مىسال:] جاغدا قوغۇن. جاغدا شال. جاغدا قوناق. * جاغدا قوغۇن جېنىڭمىدى (ماقال).

جاغىلداتماق

  • جاغىلداتماق[يەشمىسى:] «جاغىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ يەردە تۈۋى چۈشۈپ كەتكەن جاۋۇرنى جاغىلدىتىپ، ھېزىم مۇئەللىم تۇراتتى.

جاغىلدىماق

  • جاغىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[مىسال:] «جاغ-جاغ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جاغ-جاغ» قىلماق.

جاق

  • جاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشى، ئۆرۈلۈپ كېتىشى ۋە قاتتىق چۈشۈشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] جاق قىلىپ يىقىلماق. جاق قىلىپ ئۇرۇلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق سوغۇقتىن لاغىلداپ تىترەشتىن ھاسىل بولغان ھالەت.

جاق تويماق

  • جاق تويماق[يەشمىسى:] ئىنتايىن بىزار بولماق، قاتتىق زېرىكمەك:[مىسال:] جاندىن جاق تويماق.

جاقا-جۇقا

  • جاقا-جۇقا[يەشمىسى:] ئارىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشى، ئارازلىق، جاڭجال:[مىسال:] جاقا-جۇقىغا سالماق.

جاقاڭ

  • جاقاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ھارۋا، ئىشىك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشى، سىلكىنىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

جاقاڭ-جاقاڭ

  • جاقاڭ-جاقاڭ[يەشمىسى:] «جاقاڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جاقاڭ-جۇقۇڭ

  • جاقاڭ-جۇقۇڭ[يەشمىسى:] «جاقاڭ» قىلغان ۋەياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

جاقاڭلاتماق

  • جاقاڭلاتماق[يەشمىسى:] «جاقاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاقاڭلاشماق

  • جاقاڭلاشماق[يەشمىسى:] «جاقاڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جاقاڭلىماق

  • جاقاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جاقاڭ-جۇقۇڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جاقاڭ-جۇقۇڭ» قىلماق، جالاقلىماق:[مىسال:] ھارۋا جاقاڭلاپ ماڭدى.

جاق-جاق

  • جاق-جاق[يەشمىسى:] «جاق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] جاق-جاق قىلىپ تىترىمەك.

جاق-جۇق

  • جاق-جۇق[يەشمىسى:] «جاق» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] پويىز تېز بارماقتا، جاق-جۇقنى ئاڭلاپ، زوقلىنىپ ئولتۇرۇپ توقۇيمەن قوشاق. «خۇش كەپسىز» دېگەندەك كۈلۈپ ئىرغاڭلاپ. يەلپۈنەر پايانسىز ئالتۇندەك باشاق.

جاققىدە

  • جاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جاق» قىلغان ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «جاق» قىلىپ:[مىسال:] جاققىدە يىقىلماق. جاققىدە ئۇرۇلماق.

جاقىلداتماق

  • جاقىلداتماق[يەشمىسى:] «جاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاقىلداشماق

  • جاقىلداشماق[يەشمىسى:] «جاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىك ئېچىلغۇچە بالىلار توڭۇپ تىترەپ جاقىلداشتى.

جاقىلداق

  • جاقىلداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جاقىلداپ قالغان، جاق-جۇق ئاۋاز چىقىرىدىغان:[مىسال:] جاقىلداق ھارۋا.[يەشمىسى:] ② كىشىنى بىزار قىلىدىغان:[مىسال:] جاقىلداق خوتۇن.

جاقىلدىماق

  • جاقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «جاق-جاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جاق-جاق» قىلماق:[مىسال:] ۋاقىتسىز چىققان قاتتىق بوراندا ئېغىلنىڭ ئىشىكى جاقىلداپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② قاتتىق سوغۇق تۈپەيلى، بەدىنى «جاق-جاق» قىلىپ تىترىمەك، لاغىلداپ تىترىمەك، لاغىلدىماق:[مىسال:] جاقىلداپ تىترىمەك. * ئۇنىڭ قاتتىق مۇزلىغان بەدىنى توختىماستىن جاقىلدايتتى.

جاكⅠ

  • جاكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كۈلتۈكⅠ»گە قاراڭ.

جاكⅡ

  • جاكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] جاغالماي، قاغا قاتارلىقلارنىڭ سايرىشىدىن چىققان ئاۋاز.

جاكار

  • جاكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاممىغا چىقىرىلغان ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بۇيرۇق، يوليورۇق، ئەمر-پەرمان:[مىسال:] جاكار قىلماق.

جاكارچى

  • جاكارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاممىغا ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بۇيرۇق، يوليورۇق، ئەمر-پەرمانلارنى يەتكۈزگۈچى، ئۇقتۇرغۇچى، ئېلان قىلغۇچى كىشى.Ⅸ机?تۈرى: جنگىلى ببۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] − بىز باش ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى جاكارلىتىپ، ياندۇرۇپ چىقىشقا جىددىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك!

جاكارلاشماق

  • جاكارلاشماق[يەشمىسى:] «جاكارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] 30 ئوغۇلنىڭ ئالدىدا «يىگىت قولدىشى مەخسۇم» دەپ جاكارلاشتى.

جاكارلانماق

  • جاكارلانماق[يەشمىسى:] «جاكارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دەل شۇ پەيتتە، ئوغلاق تارتىشىش باشلانغانلىقى جاكارلىنىپ، ھەر ئىككى يىگىت ئاتلىرىغا مىنىشتى.

جاكارلىماق

  • جاكارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە ۋە ھادىسە ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاممىغا ئېلان قىلماق، ئۇقتۇرماق:[مىسال:] مەلىكە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە 40 كۈن زىياپەت بېرىپ، ئاخىرىدا ئۆز قارارىنى جاكارلاپتۇ.

جاكارنامە

  • جاكارنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە-ھادىسە ھەققىدە ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە ئەمر-پەرمان قاتارلىقلار يېزىلغان خەت.

جاكىت

  • جاكىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ كالتە ئۈست كىيىمى.

جاڭⅠ

  • جاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مېتاللارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھەم ئەينەك، چاقچۇق قاتارلىقلارنىڭ يەرگە چۈشۈپ پارچىلىنىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

جاڭⅡ

  • جاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مىستىن ياسىلىدىغان بىر خىل چالغۇ، ئوتتۇرىسى دومباق، چۆرىسى تۈز تاۋاق شەكلىدە بولىدۇ. ئادەتتە ئىككىسىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇش ئارقىلىق چېلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② مىستىن ياسىلىدىغان بىرخىل چالغۇ، تەخسە شەكلىدە بولۇپ چوكا بىلەن چېلىنىدۇ.

جاڭ-جاڭ

  • جاڭ-جاڭ[يەشمىسى:] «جاڭⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جاڭجال

  • جاڭجال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر-بىرى بىلەن تىللىشىش، ئۇرۇشۇش، ماجىرا، جېدەل:[مىسال:] جاڭجال قىلماق. جاڭجال چىقارماق.

جاڭجالچى

  • جاڭجالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاڭجالنى ياخشى كۆرىدىغان، ئورۇنسىز جاڭجال چىقىرىدىغان، جاڭجالخۇمار، جاڭجالكەش ئادەم.

جاڭجالسىز

  • جاڭجالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاڭجال قىلمىغان، جاڭجال بولمىغان، ئۇرۇش چىقمىغان:[مىسال:] ئەكبەرنىڭ جاڭجالسىز ئۆتكەن كۈنلىرى مەنىسىز كۈنلەر ھېسابلىناتتى. * بۇ ئىشنى جاڭجالسىزمۇ ھەل قىلغىلى بولاتتى، دېدى شەھەر باشلىقى ئويچان كۆزلىرىنى كاتىپقا تىكىپ.

جاڭجالكەش

  • جاڭجالكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاڭجالنى ياخشى كۆرىدىغان:[مىسال:] جاڭجالكەش بالا. جاڭجالكەش ئادەم.

جاڭجاللاشتۇرماق

  • جاڭجاللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «جاڭجاللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاڭجاللاشماق

  • جاڭجاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرى بىلەن تىللاشماق، ئۇرۇشماق، ماجىرالاشماق، جېدەللەشمەك، جاڭجال قىلماق؛ تالاش-تارتىش قىلماق، قاتتىق مۇنازىرىلەشمەك:[مىسال:] ئاخىرى ئۇلار جاڭجاللىشىپ ۋاڭنىڭ ئالدىغا كىردى.

جاڭجاللىق

  • جاڭجاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاڭجال بولغان، جاڭجال يۈز بەرگەن؛ تالاش-تارتىشلىق.

جاڭ-جۇڭ

  • جاڭ-جۇڭ[يەشمىسى:] «جاڭ» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

جاڭچى

  • جاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاڭ چالغۇچى، جاڭ ئۇرغۇچى.

جاڭدۇ

  • جاڭدۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى پېلەك تارتىپ ئۆسىدۇ، ئادەتتە كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

جاڭدۇلۇق

  • جاڭدۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاڭدۇ تېرىلغان يەر.

جاڭزا

  • جاڭزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قورۇق.

جاڭڭىدە

  • جاڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «جاڭ» قىلىپ:[مىسال:] جاڭڭىدە قىلماق.

جاڭگال

  • جاڭگال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۇلغۇن، سۆكسۆك، يانتاق، كۆرۈك، توغراق... قاتارلىقلار ئۆسىدىغان، ئادەم ياشىمايدىغان جاي:[مىسال:] جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك شەھەردە ھاڭرىيالماپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② جاڭگالدا ئۆسىدىغان يۇلغۇن، سۆكسۆك، يانتاق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر:[مىسال:] بۇ يەرنىڭ جاڭگىلى شالاڭ ئىكەن، ئوتۇننى جاڭگىلى قويۇقراق يەردىن ئالايلى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قالايمىقان، باش-ئايىغى ئېنىق بولمىغان، چۇۋالچاق، چۈشىنىكسىز، رەتسىز نەرسە:[مىسال:] سېنىڭ ئوقۇيدىغىنىڭ تازا بىر گادىرماچ جاڭگال ئوخشايدۇ، دېدى ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىغان تىللاخان ئانا قىزى ئانارغا.

جاڭگاللىق

  • جاڭگاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇلغۇن، سۆكسۆك، يانتاق، كۆرۈك، توغراق قاتارلىقلار ئۆسكەن جاي:[مىسال:] يىراقتىن دەرەخلەر، كىچىك جاڭگاللىقلار خىرە بولۇپ كۆرۈنەتتى.

جاڭگىر

  • جاڭگىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قوڭغۇراق ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.

جاڭگىر-جاڭگىر

  • جاڭگىر-جاڭگىر[يەشمىسى:] «جاڭگىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جاڭگىر-جۇڭگۇر

  • جاڭگىر-جۇڭگۇر[يەشمىسى:] «جاڭگىر» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋاز.

جاڭگىرلاتماق

  • جاڭگىرلاتماق[يەشمىسى:] «جاڭگىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاڭگىرلاشماق

  • جاڭگىرلاشماق[يەشمىسى:] «جاڭگىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جاڭگىرلىماق

  • جاڭگىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جاڭگىر-جاڭگىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جاڭگىر-جاڭگىر» قىلماق.

جاڭڭىدە

  • جاڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «جاڭ» قىلىپ.

جاڭىلداتماق

  • جاڭىلداتماق[يەشمىسى:] «جاڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاڭىلدىماق

  • جاڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جاڭ-جاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جاڭ-جاڭ» قىلماق:[مىسال:] جاڭىلداپ چېلىنىۋاتقان جاڭ ئاۋازى پۈتۈن كۇلۇب ئىچىنى بىر ئالدى.

جاڭيۇ

  • جاڭيۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] پۇرچاق، بۇغداي ۋە تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق. ئادەتتە تاماقنىڭ تەمىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

جالا

  • جالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاياللارنىڭ چېچىغا قوشۇپ ئۆرۈش ئۈچۈن، قارا مەشۇتتىن ئىشلەنگەن يىپ:[مىسال:] جالا سالماق.[يەشمىسى:] ② ئات-ئېشەكلەرنىڭ نوختىسى، ھارۋا جابدۇقلارغا ۋە نەيزىگە زىننەت ئۈچۈن بېكىتىلىدىغان قىزىل پۆپۈك.

جالاپ

  • جالاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پاھىشە ئايال.

جالاپباز

  • جالاپباز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پاھىشىۋاز»غا قار.

جالاپبازلىق

  • جالاپبازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پاھىشىۋازلىق»قا قاراڭ.

جالاپخانا

  • جالاپخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاھىشىخانا.

جالاپلىق

  • جالاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاھىشە، زىنا ئىشلىرىغا بېرىلىش ئادىتى؛ زىناخورلۇق.

جالاشتۇرماق

  • جالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «جالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جالاشتۇرۇشماق

  • جالاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «جالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جالاشتۇرۇلماق

  • جالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «جالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جالاشماق

  • جالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ساختا ئىش قىلىدىغان بولۇپ كەتمەك؛ ساختىلاشماق، بۇزۇلماق:[مىسال:] ھازىر بەزى كىشىلەر بەكمۇ جالىشىپ كەتتى.

جالاقⅠ

  • جالاقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق نەرسىلەرنىڭ سىلكىنىشى ھەم بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۆيدىن چىقىشىمغىلا «جالاق» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بەدەننىڭ قاتتىق سىلكىنىپ تىترىشىدىن ھاسىل بولغان ھالەت.

جالاقⅡ

  • جالاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۇيرۇق، باشقۇرۇش.

جالاق-جالاق

  • جالاق-جالاق[يەشمىسى:] «جالاقⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جالاق-جۇلۇق

  • جالاق-جۇلۇق[يەشمىسى:] «جالاق» قىلغان ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئىشىك جالاق-جۇلۇق ئېچىلدى.

جالاققىدە

  • جالاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جالاق» قىلغان ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «جالاق» قىلىپ:[مىسال:] ئىشىكنىڭ جالاققىدە ئېچىلىشى نىيازنىڭ خىيال يىپلىرىنى ئۈزۈۋەتتى.

جالاقلاتماق

  • جالاقلاتماق[يەشمىسى:] «جالاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جالاقلاشماق

  • جالاقلاشماق[يەشمىسى:] «جالاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جالاقلىتىلماق

  • جالاقلىتىلماق[يەشمىسى:] «جالاقلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جالاقلىماق

  • جالاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «جالاق-جالاق» قىلىپ ئۇرۇلماق:[مىسال:] جالاقلاپ يېپىلماق. * تۇيۇقسىز ئىشىك قاتتىق تېپىكتىن جالاقلاپ ئېچىلىپ، ئۆيگە ئىككى ئادەم كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② قاتتىق سىلكىنىپ تىترىمەك:[مىسال:] ئوسمان قاتتىق سوغۇقتىن جالاقلىغىلى تۇردى.

جالداق

  • جالداق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىشىك، پەنجىرە، ساندۇق قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق ئېچىلىشى ۋە يېپىلىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. كۆچمە[يەشمىسى:] «شاللاق، يارىماس» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان تىل-ھاقارەت سۆزى.

جالداق-جالداق

  • جالداق-جالداق[يەشمىسى:] «جالداق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] جالداق-جالداق قىلماق.

جالداق-جۇلدۇق

  • جالداق-جۇلدۇق[يەشمىسى:] «جالداق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

جالداققىدە

  • جالداققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جالداق» قىلغان ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «جالداق» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ ئىشىكنى ئاچچىقى بىلەن جالداققىدە يېپىپ كىرىپ كەتتى.

جالداقلاتماق

  • جالداقلاتماق[يەشمىسى:] «جالداقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جالداقلىتىشماق

  • جالداقلىتىشماق[يەشمىسى:] «جالداقلاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جالداقلىماق

  • جالداقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جالداق-جالداق» ئاۋاز چىقارماق.

جالدىر

  • جالدىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] زەنجىر، كىشەن ۋە كارۋان تۆگىلىرىگە ئېسىلغان قوڭغۇراق قاتارلىقلارنىڭ سىلكىنىشى ۋە بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

جالدىر-جالدىر

  • جالدىر-جالدىر[يەشمىسى:] «جالدىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جالدىر-جۇلدۇر

  • جالدىر-جۇلدۇر[يەشمىسى:] «جالدىر» قىلغان ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] شۇئان تۈرمىنىڭ ئىچىدە خۇددى بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەندەك، ھەممە كامېرلاردىن بىرلا ۋاقىتتا كويزا-كىشەنلەرنىڭ جالدىر-جۇلدۇر قىلغان ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.

جالدىرلاتماق

  • جالدىرلاتماق[يەشمىسى:] «جالدىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جالدىرلاشماق

  • جالدىرلاشماق[يەشمىسى:] «جالدىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جالدىرلىماق

  • جالدىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جالدىر-جالدىر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] كارۋان تۆگىلىرىنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويۇلغان قوڭغۇراقنىڭ جالدىرلىغان ئاۋازى مەھەللىدىن يىراقلاشقانسېرى ئاڭلانماي قالدى.

جالغاي

  • جالغاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توخۇنىڭ قانات بىلەن ئۇستىخاننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۈگىسى. [يەشمىسى:] ② دەل-دەرەخلەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى شاخلىرى.

جاللا

  • جاللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئۇيغۇر سازلىرىنىڭ بىرى.

جاللاپ

  • جاللاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تېرە-تەرسەك ۋە يۇڭ ئېلىپ-ساتقۇچى سودىگەر، مويچى.

جاللاپلىق

  • جاللاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرە-تەرسەك سودىگەرچىلىكى، مويچىلىق.

جاللات

  • جاللات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ بېشىنى ئالغۇچى، ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى كىشى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كاللاكېسەر، قاتىل:[مىسال:] تۈرمە باشلىقى قوراللىق جاللاتلارنى باشلاپ، تۈرمە تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى.

جاللاتلىق

  • جاللاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاللا كېسىش، قاتىللىق قىلىش ئىشى؛ زالىملىق، ياۋۇزلۇق.

جالىق

  • جالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جا ئىش، ساختىلىق.

جام

  • جام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① شاراب ئىچىلىدىغان قاچا؛ قەدەھ، رومكا. [يەشمىسى:] ② كىچىك ياغاچ قاچا. [يەشمىسى:] ③ ئاقسۇنىڭ كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

جاماⅠ

  • جاماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللارنىڭ بىللە بولۇشى، جىنسىي مۇناسىۋەت:[مىسال:] جاما قىلماق.

جاماⅡ

  • جاماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زەي سۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن چېپىلغان ئېرىق، زەيكەش.

جامائە

  • جامائە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر گۇرۇپپا، بىر توپ كىشىلەر؛ جامائەت.

جامائەت

  • جامائەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم مەقسەت ۋە نىشان ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەر، كۆپچىلىك، خالايىق، ئامما:[مىسال:] جامائەت سورۇنى. جامائەت فوندى.[يەشمىسى:] ② بىر ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ناماز ئوقۇغان كىشىلەر:[مىسال:] مەسچىتتىن يانغان جامائەت مېيىت چىققان ئۆيگە كىرىپ پاتىھە ئوقۇدى.

جامائەتچىلىك

  • جامائەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جەمئىيەتتىكى كىشىلەر، جەمئىيەت كىشىلىرى:[مىسال:] ھېسام پۈتۈن شىنجاڭدىكى جامائەتچىلىككە تونۇش.[يەشمىسى:] ② جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەت، كەلدى-باردى:[مىسال:] ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق جامائەتچىلىكى بار.

جامائەتلىك

  • جامائەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جامائىتى بار، جامائەتكە ئىگە:[مىسال:] مەن رەستە يولىنىڭ بىر چېتىدىكى خېلى جامائەتلىك بىر چوڭ مەسچىتنىڭ ئالدىدا ھاجى توختىغا يېتىشتىم.

جامادىيەلئاخىر

  • جامادىيەلئاخىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھىجرىيىنىڭ 6-ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل[يەشمىسى:] ھېسابىدىكى 6-ئاي. 29 كۈن بولىدۇ.

جامادىيەلئەۋۋەل

  • جامادىيەلئەۋۋەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھىجرىيىنىڭ 5-ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى 5-ئاي. 30 كۈن بولىدۇ.

جامال

  • جامال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① چىراي، يۈز. [يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

جامە

  • جامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جامائەتلەر توپلىشىپ، جۈمە نامىزى ۋە ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇيدىغان ئەڭ چوڭ مەركىزىي مەسچىت.

جامبۇ

  • جامبۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «دەسمال»غا قاراڭ.

جامكا

  • جامكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جامكا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاق رەڭدە بولۇپ، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. تەرلىتىش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش رولىغا ئىگە.

جان

  • جان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي چۈشەنچىلەرگە كۆرە، ئىنسان ۋە ھايۋان ياشىغاندا ساقلىنىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن ۋۇجۇدىدىن ئايرىلىدىغان ماددىي، غەيرىي تەبىئىي ئامىل:[مىسال:] جان بار يەردە قازا بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىنساننىڭ بارلىقى، بەدىنى، تېنى:[مىسال:] جان ئاغرىتقان دوست ئەمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ھايات:[مىسال:] جاننى پىدا قىلماق. جان تىكمەك.[يەشمىسى:] ④ ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزاسى؛ كىشى، ئادەم:[مىسال:] بىزنىڭ ئۆيدە بەش جان بار.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچ، قۇۋۋەت، مادار، ماغدۇر:[مىسال:] قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولۇر (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشى ۋە نەرسىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى ۋە جاندىن ئەزىز كۆرىدىغىنى:[مىسال:] سودىگەر دېگەن پۇلنى جان بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش، نەرسە ياكى ساھەنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسى قىسمى؛ ئاساسىي، نېگىزى، ئۇلى:[مىسال:] سۇ قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى.[يەشمىسى:] ⑧ مۇراجىئەت قىلغۇچىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىمنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئىنتايىن يېقىنلىق، مېھرىبانلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نېمە ئىش بۇ، خۇشال-خۇرام كۈنلەردە جېنىم بالام، دېدى ئەزىمەت قىزى گۈلشەنگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.[يەشمىسى:] ⑨ كىشى ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، ئەركىلىتىش، يېقىنلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئادىلجان. ئەخمەتجان.

جان باقار

  • جان باقار[يەشمىسى:] ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، نېمە بولسا بولسۇن، ماڭا زىيان يەتمىسۇن دەيدىغان؛ تىرىكتاپ؛ تەييارغا ھەييار.

جان باقماق

  • جان باقماق[يەشمىسى:] تۇرمۇش كەچۈرمەك، ياشىماق.

جاناب

  • جاناب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆپىنچە «جانابلىرى» شەكلىدە ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش مەنىسىدە كېلىدۇ:[مىسال:] ئەلچى جانابلىرى.[يەشمىسى:] ② «ئەرباب» دېگەن مەنىدە ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] چەتتىكى ئۈستەلدە، مەستۇرە بىلەن بىللە ئېسىل كىيىنگەن بىر ئېگىز بويلۇق چەت ئەللەك جاناب ئولتۇراتتى.

جانابىي

  • جانابىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەخسلەرنى ھۆرمەتلەش مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] جانابىي ئالىيلىرى.

جانان

  • جانان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] قەددى-قامىتى كېلىشكەن، گۈزەل ئايال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق:[مىسال:] جانان قىز.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىن كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇراجىئەت ۋە ھۆرمەت مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

جانان چىنە

  • جانان چىنە[يەشمىسى:] چىرايلىق، گۈللۈك، نەپىس چىنە.

جانانە

  • جانانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چىن كۆڭۈلدىن سۆيگەن يار، مەشۇق، مەھبۇبە:[مىسال:] بىر قاراي يولغا چىقىپ، جانانە يارىم كەلدىمۇ كۆزلىرى ئاھۇ، يۈزى پىشقان ئانارىم كەلدىمۇ

جانباز

  • جانباز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ئۆلۈش-تىرىلىشىگە قارىماي ئەستايىدىل غەيرەت كۆرسەتكۈچى، پىداكار:[مىسال:] جانباز دوست. * كۆرۈۋال، قېنىۋال، ھاياجانلىرىڭنى ئەركىن بايان قىلىۋال، ئەي، مېنىڭ پىداكار، جانباز دوستۇم.

جانبازلىق

  • جانبازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ئەستايىدىل غەيرەت كۆرسىتىش، پىداكارلىق.

جان-تەن

  • جان-تەن[يەشمىسى:] جان ۋە تەندىن ئىبارەت بارلىق، ۋۇجۇد:[مىسال:] جان-تەن بىلەن ئىشلىمەك.

جان-جانىۋار

  • جان-جانىۋار[يەشمىسى:] كىچىك ۋە چوڭ بارلىق جانلىقلار.

جان-جەھل

  • جان-جەھل[يەشمىسى:] ماددىي ۋە مەنىۋى تىرىشچانلىق:[مىسال:] جان-جەھلى بىلەن ئۆگەنمەك.

جان-جېنى

  • جان-جېنى[يەشمىسى:] ۋۇجۇد ۋە ئەس-ھوش قاتارلىقلار:[مىسال:] جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك.

جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك

  • جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك[يەشمىسى:] ئىنتايىن قاتتىق تەسىر قىلماق، پۈتۈن بەدىنىگە تارىماق:[مىسال:] ئادەمنىڭ جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇقتا دالىدا قونۇپ قىلىش مۇمكىنمۇ

جانجىگەر

  • جانجىگەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]جان+جىگەر[[يەشمىسى:] ناھايىتى يېقىن، ئىچقويۇن، تاشقويۇن:[مىسال:] ئېرپاننىڭ جانجىگەر دوستى ۋە ئارقا تىرىكى لۇتپۇللا ئەترىتى بىلەن قەشقەردىن كېتىپ قالدى.

جانجىگەرلىك

  • جانجىگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناھايىتى يېقىنلىق، ئىچقويۇن-تاشقويۇنلۇق.

جاندار

  • جاندار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جانلىق، تىرىك جانىۋار:[مىسال:] ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ھېچبىر جاندار خاتىرجەم ئەمەسكەن.

جان-دىل

  • جان-دىل[يەشمىسى:] جان ۋە دىل:[مىسال:] غېرىب سەنەمگە جان-دىلىدىن ئاشىقى شەيدا بولغانىدى.

جانسىز

  • جانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جېنى يوق، ئۆلۈك:[مىسال:] جانسىز ئادەم.[يەشمىسى:] ② جېنى يوق نەرسىلەردىن تەركىب تاپقان:[مىسال:] جانسىز تەبىئەت.[يەشمىسى:] ③ كۈچى يوق، كۈچسىز؛ بوش، ئاجىز، چىدامسىز؛نىمجان:[مىسال:] قول چىرىغىنىڭ بۇ جانسىز نۇرىدا ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەيپىياتى تۆۋەن، روھى بوش؛ تەسىرى ئاجىز، سۇس:[مىسال:] بۈگۈنكى يىغىن مەيدانىنىڭ داغدۇغىسى جانسىز بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑤ ھاياتلىق بولمىغان، جىمجىت:[مىسال:] ئازاد ئەمگەكنىڭ قۇدرىتى بىلەن، جانسىز ۋادىلارغا ھايات كىرگۈزدۇق.

جانسىزلاندۇرماق

  • جانسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «جانسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جانسىزلاندۇرۇشماق

  • جانسىزلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «جانسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جانسىزلاندۇرۇلماق

  • جانسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «جانسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جانسىزلانماق

  • جانسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچسىز، مادارسىزلانماق، بوشاشماق:[مىسال:] ئۇنىڭ پۇت-قولى جانسىزلانغاندەك بولۇپ، چېھرىگۈلنىڭ پۇتىنىمۇ دەسسىۋالدى.

جانسىزلىق

  • جانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جانسىز ھالەت.

جانلاندۇرماق

  • جانلاندۇرماق[يەشمىسى:] «جانلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جانلاندۇرۇش

  • جانلاندۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىياتتىكى بەدىئىي تەسۋىر ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بۇ ئۇسۇلدا، ئىنسانغا خاس قابىلىيەتلەر ھايۋان ۋە جانسىز نەرسىلەرگە كۆچۈرۈلىدۇ ياكى ئىنسانلار ھايۋان ۋە نەرسە سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.

جانلاندۇرۇشماق

  • جانلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «جانلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جانلاندۇرۇلماق

  • جانلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «جانلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جانلانماق

  • جانلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جانلىق تۈسكە كىرمەك، ياشنىماق:[مىسال:] ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيقۇدا ياتقان يەر-زېمىنمۇ باشقىچە جانلىنىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② تېتىكلەشمەك، روھلانماق، جۇشقۇنلاشماق:[مىسال:] نۇردۇن ھاكىم بىردىنلا جانلاندى.[يەشمىسى:] ③ ئاۋاتلاشماق، قىزىماق:[مىسال:] بۈگۈن دەرستىن سىرتقى كۇرۇژوكنىڭ پائالىيىتى بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ④ روناق تاپماق، راۋاجلانماق، يۈكسەلمەك، ئالغا باسماق:[مىسال:] بۇ تاغلىق يېزىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قايتا كۆرۈنمەك، گەۋدىلەنمەك:[مىسال:] ئەنۋەرنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بېرىقى كۆرگەن-بىلگەن ئەھۋاللىرى كۆز ئالدىدا جانلىنىپ، قەغەز بېتىگە مارجاندەك تىزىلىشقا باشلىدى.

جانلىق

  • جانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جېنى بار، تىرىك:[مىسال:] جانلىق ئورگانىزم. جانلىق شەيئى.[يەشمىسى:] ② تىرىك ئورگانىزمدىن تەركىب تاپقان:[مىسال:] جانلىق تەبىئەت.[يەشمىسى:] ③ ياشاۋاتقان، ھايات تۇرغان، تىرىك:[مىسال:] ئۇ ئاشۇ قانلىق تارىخنىڭ جانلىق گۇۋاھى ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىم تۇرمايدىغان، ھەرىكىتى چاققان، جۇشقۇن، تېتىك؛ روھلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ تەن قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى بۇ كەمچىلىكىنى چاقماقتەك سۆزلىشى، جانلىق ھەرىكەتلىرى يېپىپ كېتەتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىن، ھەقىقىي، ئەمەلىي:[مىسال:] خەمىتكە بۇ مۇسابىقە بىر جانلىق دەرس بولغاندەك تۇيۇلدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۇش ئۇرۇپ تۇرغان، جۇشقۇن:[مىسال:] ھەممەيلەن شۇنچە شاد-خۇرام، شۇنچە تېتىك، شۇنچە جانلىق ئىدى.

جانلىق تىل

  • جانلىق تىل[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] شۇ مىللەت خەلقىنىڭ ئېغىزدا قوللىنىدىغان تىلى، يەنى خەلق تىلى. ئۇ ئادەتتە ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق تىل شەكلىگە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ. «ئېغىز تىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

جانلىقلار

  • جانلىقلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھاياتلىق ماددىلىرىدىن تۈزۈلگەن ھەمدە ئۆسۈش، يېتىلىش ۋە كۆپىيىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان جىسىملار. جانلىقلار مېتابولىزملىق رولى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن ماددا ئالماشتۇرىدۇ. ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ۋە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھەممىسى جانلىقلاردۇر.

جانلىقلىق

  • جانلىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] روھلۇق، جۇشقۇن ھالەت؛ جۇشقۇنلۇق:[مىسال:] سەھەردىن باشلاپ كانايلاردىن ئۇرغۇۋاتقان ناخشا ساداسى كەڭ مۇھىتقا جانلىقلىق ۋە گۈزەللىك بېغىشلايتتى.

جانىجان

  • جانىجان[مىسال:] سۈپ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قىممەتلىك، ئەڭ سۆيۈملۈك، قەدىرلىك:[يەشمىسى:] جانىجان ئاتا.[يەشمىسى:] ② تۇرمۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ مۇھىم، ئەڭ زۆرۈر:[يەشمىسى:] جانىجان مەنپەئەت.

جان-ئىمان

  • جان-ئىمان[يەشمىسى:] ئەس-ھوش، خاتىرجەملىك قاتارلىق روھىي ھالەت:[يەشمىسى:] جان-ئىمانى چىقماق.

جانىۋار

  • جانىۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھايۋان، ئۇچار-قانات، قۇرت-قوڭغۇز قاتارلىق پۈتۈن جانلىقلار:[يەشمىسى:] بىر چاغدا قارىسا، ئۇ ئورمانلىقتىن ھېسابسىز جانىۋارلار ئىنتايىن تېز چىقىپ كېلىۋېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئات-ئۇلاغ ياكى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە نىسبەتەن «بۇ بىچارە» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ:[يەشمىسى:] ھەسەن تراكتورنى توختىتىپ، يېنىدىكى سەپدىشىغا: بىزنىڭ جانىۋار بىرئاز ئۇسساپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ چېلەكنى ئېلىپ يەرگە چۈشتى.

جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى

  • جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 24مەۋسۈمنىڭ ئۈچۈنچىسى. مارتنىڭ 3-، 5-كۈنلىرى باشلىنىدۇ.

جاھات

  • جاھات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تار س.[يەشمىسى:] دىن يولىدىكى ئۇرۇش، غازات.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇش:[مىسال:] شېھىتلەرنىڭ قېنى بىرلە يارالغان بۇ باھار تاڭى، يارالغان مىڭلىغان مەردلەر جاھات ئەيلەپ، غازات ئەيلەپ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىرىشچانلىق، كۈرەش:[مىسال:] ئىستىكىمدۇر سەن كەبى ئازاد ياشاش گۈلشەندە شاد، دەل شۇ مەقسەت ئۈستىدە قىلماقتىمەن تىنماي جاھات.

جاھاز

  • جاھاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قۇراشتۇرۇپ تەييارلانغان ئائىلە ئۈسكۈنە-جابدۇقلىرى.

جاھازلاتماق

  • جاھازلاتماق[يەشمىسى:] «جاھازلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاھازلانماق

  • جاھازلانماق[يەشمىسى:] «جاھازلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قىسقىسى، ئۆيىمىز ئاددىيلا جاھازلانغانىدى. يېنىمىزدىكى چوڭ ئۆيدە رەپقەتنىڭ ئانىسى تۇراتتى.

جاھازلىق

  • جاھازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاھازىسى بار، جاھاز بىلەن بېزەلگەن، جاھازلانغان:[مىسال:] ئەينەك جاھازلىق ئۆي.

جاھازلىماق

  • جاھازلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆي، ئىشخانا قاتارلىقلارنى جاھازلار بىلەن جابدۇماق:[مىسال:] توي قىلىش ئالدىدا ئابلىمىت ئۆينى ئاددىيلا جاھازلاشقا ئۈلگۈرگەنىدى.

جاھالەت

  • جاھالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم بولغان ھالەت، نادانلىق، قالاقلىق:[مىسال:] قەشقەر شەھىرى ئەسىرلەر بويى ئۇخلاپ تۈگىتەلمىگەن جاھالەت ئۇيقۇسىغا غەرق بولغانىدى.

جاھالەتپەرەس

  • جاھالەتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كونىلىق، قالاقلىق تەرەپدارى، ئىلىم-مەرىپەت، مەدەنىيەتتىن مەھرۇم ۋە ئۇنى خالىمايدىغان:[مىسال:] مۇقام نەزم تېكىستلىرىدە ئوتتۇرا ئەسىر ئەكسىيەتچىلىكىنىڭ روھىي تىرىكى بولغان جاھالەتپەرەس روھانىيلىقمۇ شىكايەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ.

جاھالەتپەرەسلىك

  • جاھالەتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونىلىق، قالاقلىقنى ياقلاش؛ ئىلىم-مەرىپەت، مەدەنىيەتتىن مەھرۇم قىلىش ئىدىيىسى:[مىسال:] جاھالەتپەرەسلىك قىلماق.

جاھالەتچىلىك

  • جاھالەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەدەنىيەتكە، يېڭىلىققا، ئىلىم-پەنگە قارشى تۇرۇش؛ كونىلىق، قالاقلىقنى ياقلاش:[مىسال:] جاھالەتچىلىككە لەنەت ئوقۇماق.

جاھالەتلىك

  • جاھالەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاھالەتتە قالغان؛ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەتنى چەتكە قاققان، قالاق:[مىسال:] خەلق گومىنداڭنىڭ جاھالەتلىك سىياسىتىگە قارشى چىققانىدى.

جاھان

  • جاھان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] يەر يۈزى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىقلار؛ دۇنيا، ئالەم:[مىسال:] جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جەمئىيەت، يۇرتنىڭ بەلگىلىك ۋەزىيىتى، ھالىتى؛ زامان، ۋەزىيەت:[مىسال:] بۈگۈنكى جۇڭگودا جاھان ئۆكتەملەرنىڭ بولۇپ قالدى، ياخشى ئادەملەرگە كۈن يوق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نۇرغۇن، كۆپ؛ چوڭ؛ ئۇلۇغ:[مىسال:] سېنىڭ بولغىنىڭ جاھان ئىش بولدى دېدى نۇرئاخۇن خالمۇراتقا قاراپ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گېئولوگىيىلىك يىلنامىلەرنى بۆلۈشتىكى ئەڭ چوڭ بىرلىك.

جاھان تۇتماق

  • جاھان تۇتماق[يەشمىسى:] تۇرمۇش كەچۈرمەك، ياشىماق:[مىسال:] بۇ مەھەللىدە جاھان تۇتۇپ كېلىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشقان بولغاچقىمۇ، كۆپچىلىك كىشىلەر ئۇنى ياخشى چۈشىنەتتى.

جاھانچە

  • جاھانچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى كەڭ؛ ناھايىتى كۆپ؛ چوڭ، ئۇلۇغ:[مىسال:] شۇنداقلا بولسا جاھانچە ئىش قىلغان بولاتتۇق، دېدى ھاشىر ئاغزىنى تامشىپ.

جاھاندارچىلىق

  • جاھاندارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جان ساقلاش، ھايات كەچۈرۈش يولىدىكى پائالىيەت؛ تىرىكچىلىك:[مىسال:] جاھاندارچىلىق قىلماق.

جاھانسازلىق

  • جاھانسازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «جاھاندارچىلىق»قا قاراڭ.

جاھانشۇمۇل

  • جاھانشۇمۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئالەمشۇمۇل»غا قاراڭ.

جاھانكەچتى

  • جاھانكەچتى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]جاھان+كەچتى[[يەشمىسى:] «جاھانكەزدى»گە قاراڭ.

جاھانكەچتىلىك

  • جاھانكەچتىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «جاھانكەزدىلىك»كە قاراڭ.

جاھانكەزدى

  • جاھانكەزدى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]جاھان+كەزدى[[يەشمىسى:] دۇنيانى كېزىپ ساياھەت قىلغان، كۆپ يەرلەرنى كۆرگەن:[مىسال:] جاھانكەزدى ئادەم. * مەن بىر مۇساپىر جاھانكەزدى.

جاھانكەزدىلىك

  • جاھانكەزدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاھانكەزدىلەرگە خاس خاراكتېر ۋە ھالەت.

جاھانگىر

  • جاھانگىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى ياكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچى.

جاھانگىرپەرەس

  • جاھانگىرپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاھانگىرلارنى، جاھانگىرلىك سىياسىتىنى قوللايدىغان، ياقلايدىغان، جاھانگىرلارغا مايىل:[مىسال:] جاھانگىرپەرەس دۆلەت. جاھانگىرپەرەس ئادەم.

جاھانگىرپەرەسلىك

  • جاھانگىرپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاھانگىرلار ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنى قوللاش، ياقلاش؛ جاھانگىرلارغا مايىللىق:[مىسال:] جاھانگىرپەرەسلىك خاھىشى.

جاھانگىرلىك

  • جاھانگىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جاھاننى بويسۇندۇرۇش، جاھاننى ئۆزىگە قارىتىش:[مىسال:] جاھانگىرلىك ئۇرۇشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مونوپول، تەييارتاپ، چىرىگەن ياكى ئۆلۈۋاتقان كاپىتالىزم، يەنى كاپىتالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى.

جاھاننەما

  • جاھاننەما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرسەتكۈچى ئەينەك.

جاھىل

  • جاھىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆز گېپىدە، ئۆز ئىشىدا چىڭ تۇرۇۋالىدىغان؛ گەپ يېمەيدىغان؛ كاج، تەرسا:[مىسال:] جاھىل ئادەم. [يەشمىسى:] ② ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم، بىلىمسىز:[مىسال:] نادان-جاھىل كىشى ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىشنى سەندە كۆرۈپ، سېنى ماختايدۇ.[يەشمىسى:] ③ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەيدىغان، تەرسا:[مىسال:] شىخوغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ تېز غەلىبىگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى مۇشۇ جاھىل قورغاننى بۆسۈپ ئۆتۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

جاھىلانە

  • جاھىلانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] جاھىللىق قىلغان ھالدا، جاھىللارغا ئوخشاش، جاھىللىق بىلەن:[مىسال:] جاھىلانە بىلجىرلىماق. جاھىلانە چىڭ تۇرماق.

جاھىللاشتۇرماق

  • جاھىللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «جاھىللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاھىللاشماق

  • جاھىللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپ يېمەيدىغان، جاھىل بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] سەن نېمانچە جاھىللىشىپ كەتتىڭ دېدى ئۇنىڭغا دوستى نەسىھەت قىلىپ.

جاھىللىق

  • جاھىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاھىل خاراكتېر، جاھىل ھالەت:[مىسال:] سوراق جەريانىدا، پاكىتلار ئالدىدا مەنمۇ جاھىللىقىمدا چىڭ تۇرالمىدىم.

جاۋا

  • جاۋا [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇڭدىن توقۇلغان:[مىسال:] جاۋا گىلەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇڭ پالاس.

جاۋاب

  • جاۋاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سوئال، تەلەپ، مۇراجىئەتكە ئاغزاكى ياكى يازما قايتۇرۇلغان گەپ-سۆز ياكى ئىما-ئىشارەت:[مىسال:] بۇ سوئالغا كىم جاۋاب بېرىدۇ.[يەشمىسى:] ② مەسىلە، تېپىشماق، ئىمتىھان قاتارلىقلارنىڭ يېشىمى:[مىسال:] بۇ ھېساب كىتابىدىكى مەسىلە مىساللارنىڭ جاۋابى ئاخىرىدىكى مۇندەرىجىدىن كېيىن بېرىلگەن.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەت، ئىجازەت:[مىسال:] بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دادام جاۋاب قىلمىغاچقا، بىز ئىشىك تۈۋىدە جىم تۇردۇق.[يەشمىسى:] ④ خوتۇنىنى قويۇۋېتىشكە بېرىلگەن رۇخسەت، قوشۇلۇش:[مىسال:] ئامىنە ئاچچىقىدا ئەكرەمنىڭ پېشىنى تۇتۇپ: جاۋابىمنى بەر، مۇنداق ياشىغۇچە ئاجراشقىنىم ياخشى، دېدى.

جاۋابەن

  • جاۋابەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جاۋاب بېرىپ، جاۋاب بەرگەن ھالدا، جاۋاب تەرىقىسىدە:[مىسال:] ئۇ ئۆز خېتىگە جاۋابەن بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالدى.

جاۋابسىز

  • جاۋابسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاۋابى يوق؛ جاۋاب بېرىلمىگەن؛ جاۋاب قايتۇرۇلماستىن:[مىسال:] جاۋابسىز خەت. ∥ بوۋاينىڭ نۇرغۇن سوئاللىرى، مەسلىھەتى جاۋابسىز قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] جاۋاب ئالماي، ئىجازەتسىز:[مىسال:] ئۇ سىنىپتىن جاۋابسىزلا چىقىپ كەتتى.

جاۋابكار

  • جاۋابكار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] زىممىسىگە بىرەر ئىشنىڭ، ساھەنىڭ مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن؛ مەسئۇل:[مىسال:] جاۋابكار خادىم، جاۋابكار مۇھەررىر. * ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە كىم جاۋابكار[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلار ئەنزىلىرىدىكى ئەيىبلەنگۈچى كىشى:[مىسال:] ئايالىنىڭ يۈز-كۆزىنىڭ قانغا بويالغانلىقى ئۇنىڭدا جاۋابكارغا نىسبەتەن قاتتىق غەزەپ قوزغىغانىدى.

جاۋابكارلىق

  • جاۋابكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز ئۈستىگە يۈكلەنگەن، ھېساب بېرىشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيەت:[مىسال:] بۇ ئىشتا سېنىڭ جاۋابكارلىقىڭ بار.

جاۋابلاشماق

  • جاۋابلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپ ياندۇرۇپ تاكاللاشماق، قارشىلاشماق:[مىسال:] ئۆزۈڭدىن چوڭلار بىلەن تەڭ جاۋابلاشما. ئۇنداق قىلساڭ، ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.

جاۋابلىق

  • جاۋابلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاۋاب بېرىلگەن، جاۋاب قايتۇرۇلغان، جاۋابقا ئىگە:[مىسال:] سوئال-جاۋابلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى.

جاۋابنامە

  • جاۋابنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] جاۋابەن يېزىلغان خەت، جاۋاب خېتى:[مىسال:] جاۋابنامە يازماق.

جاۋاھىر

  • جاۋاھىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىممەت باھالىق ئېسىل تاش ۋە ئۈنچە-مارجان.

جاۋاھىرات

  • جاۋاھىرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قىممەت باھالىق ئېسىل تاشلار؛ ئۈنچە-مارجانلار.

جاۋاھىرپۇرۇش

  • جاۋاھىرپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قىممەت باھالىق ئېسىل تاش، ئۈنچە-مارجان ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ-ساتقۇچى كىشى.

جاۋەن

  • جاۋەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئۈستى ۋە ئىچىدىن پايدىلانغىلى بولىدىغان، كۆپىنچە چىنە-قاچا قويىدىغان قاناتلىق كىچىك ئىشكاپ.

جاۋەنلىك

  • جاۋەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاۋىنى بار، جاۋەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] جاۋەنلىك تام.

جاۋۇر

  • جاۋۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېمىر يۇغۇرۇش، تاماق ئۇسۇپ قويۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان مېتال قاچا؛ داس.

جاۋىخانا

  • جاۋىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونىچە كۆپ قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ساتما ئۆي. كۆپىنچە ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر قويۇلىدۇ ياكى ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ.

جاۋىغا

  • جاۋىغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوينىڭ يازلىق يۇڭى.

جاۋىغاي

  • جاۋىغاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىزنىڭ ئىككى چەت بۇرجىكى:[مىسال:] جاۋىغايلىرىدىن شال ئاقماق.

جاۋىلداتماق

  • جاۋىلداتماق[يەشمىسى:] «جاۋىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جاۋىلداشماق

  • جاۋىلداشماق[يەشمىسى:] «جاۋىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جاۋىلداق

  • جاۋىلداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاغزى بېسىقماي تولا سۆزلەيدىغان؛ سۆزلەپ ھارمايدىغان:[مىسال:] جاۋىلداق خوتۇن.

جاۋىلداقلىق

  • جاۋىلداقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاغزى بېسىلماي سۆزلەش، توختىماي گەپ قىلىدىغان قىلىق.

جاۋىلدىماق

  • جاۋىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاغزى بېسىقماي تولا سۆزلىمەك؛ توختىماي گەپ قىلماق:[مىسال:] ئۇ قولىنى بېلىگە تىرەپ، يوغانچىلىق بىلەن جاۋىلداشقا باشلىدى.

جاي

  • جاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى نەرسە ئورۇنلىشىپ تۇرغان، ئىگىلىگەن ۋە ياكى ئورۇن ئالىدىغان يەر، ئورۇن، بوشلۇق:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار تۇرغان جاي.[يەشمىسى:] ② بىرەر ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن يەر؛ ئىش-ھەرىكەتنىڭ بولۇپ ئۆتكەن ئورنى:[مىسال:] سابىر نىياز قۇرباننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، يار ئالغان جاي ئېتىلىپ بولغانىدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسە ياكى ئىش-ھەرىكەتكە ماس، مۇۋاپىق ئورۇن:[مىسال:] ئىقتىدارلىقلارنى ئۆز جايىغا قويۇش كېرەك.[يەشمىسى:] ④ بىرەر خۇسۇسىيىتى بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان بەلگىلىك يەر:[مىسال:] تامنىڭ تۇتاشقان جايى.[يەشمىسى:] ⑤ يەر يۈزىدىكى مەلۇم مەمۇرىي رايون؛ يۇرت:[مىسال:] ئۇ بىر چوڭ سودىگەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدە ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن جاي يوق ئىكەن.[يەشمىسى:] ⑥ (كۆپلۈك ساندا) مەركەزدىن يىراق چەت يەرلەر، مەھەللە، يېزا-كەنتلەر:[مىسال:] پاكىتلار جايلار ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.[يەشمىسى:] ⑦ مەلۇم نەرسىنىڭ بىر قىسمى، بۆلىكى:[مىسال:] ئادىلجان دوكلاتتىكى ئاستىغا قارا سىياھدا بەلگە ئۇرۇلغان جايلارنى قايتا-قايتا ئوقۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑧ ھايات كەچۈرۈش، يېتىپ-قوپۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يەر؛ ۋەتەن، ئۆي-ماكان:[مىسال:] جايى يوقنىڭ جېنى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ⑨ يېتىپ قوپۇش، ئولتۇرۇش ئورنى؛ ئورۇن؛ ئورۇندۇق:[مىسال:] بىزگە بىر ياخشىلىق قىلىپ، بۈگۈن كېچە ئۆيىڭىزدىن جاي بەرسىڭىز، دېدى ئەنجەد.[يەشمىسى:] 01 ئىش، خىزمەت، ۋەزىپە، ئورۇن:[مىسال:] دېگەندەكلا مەغپىرەت ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ «ئاغزىنىڭ يېلى» بىلەن ياخشى جايغا ئورۇنلاشتى.[يەشمىسى:] 11 كېرىيە ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

جاي-جايى

  • جاي-جايى[يەشمىسى:] ھەربىرى ئورۇنلاشقان، ھەربىرىگە تېگىشلىك بولغان ئورۇن، تەرەپ:[مىسال:] جاي-جايىغا كەتمەك، جاي-جايىدا تۇرماق.

جايسىز

  • جايسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جايى يوق، جايلاشمىغان، جاي ئالمىغان، ماكانسىز.

جايسىزلىق

  • جايسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جايى يوقلۇق، ئورۇنسىزلىق، ماكانسىزلىق.

جايلاتماق

  • جايلاتماق[يەشمىسى:] «جايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىدارە باشلىقى قاسىم يېقىن ئادەملىرىنى ئىشقا سېلىپ، نۇرغۇن نەرسىنى جايلىتىۋالدى.

جايلاشتۇرماق

  • جايلاشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «جايلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پادىشاھ زاھىر ئۇلارنى ئۆز قەسىرىگە جايلاشتۇرۇپتۇ. * ئۇ تالۇن، ھۆججەتلەرنى ئېلىپ، ھېلىقى يەرگە جايلاشتۇردى.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈلدىكىدەك بېجىرمەك، ئورۇندىماق، ھەل قىلماق:[مىسال:] بۇ ئىشنى سەندىن باشقا ھېچكىم جايلاشتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ، دېدى ئابدۇرېھىمقارى.

جايلاشماق

  • جايلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «جايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② ئورۇن ئالماق، ئىگىلىمەك، ئورۇنلاشماق، سىغماق:[مىسال:] سادىق ئۆيگە كىرىپ، قوش سافانىڭ بىرىگە جايلاشتى.[يەشمىسى:] ③ كىرمەك، ئورناشماق:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، ئىشقى دىلىمغا جايلاشتى.[يەشمىسى:] ④ قاملاشماق، جايىغا چۈشمەك:[مىسال:] مەن ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى جايلىشىپ بەرگەنىدىم، دېدى ئۇ ئېسەدەپ تۇرۇپ.

جايلانماق

  • جايلانماق[يەشمىسى:] «جايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مۇشۇ كىشىنىڭ ئىشى تۈپەيلى ئوبدانلا بىر جايلانغىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئېھتىيات تولىمۇ زۆرۈر ئىدى.

جايلىق

  • جايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم جايغا ئورۇنلاشقان، جايى بار، ماكانلىق.

جايلىماقⅠ

  • جايلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايغا، بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىگە سالماق؛ ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسىنى لاتىغا يۆگەپ، تۆش يانچۇقىغا جايلىدى.[يەشمىسى:] ② تەخ ھالەتكە كەلتۈرمەك، ھازىرلىماق:[مىسال:] بىر ئاز پۇل جايلاپ، بىر تاغار ئاشلىق سېتىۋالدىم-دە، ئۇنى قاسىم ئاكامنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ③ قاملاشتۇرماق، ئەپلىمەك:[مىسال:] ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز سۆزنى جايلاپ قىلالمايدىغان بىر بالا ئىكەن.[يەشمىسى:] ④ دالدىغا ئالماق، چەتكە ئالماق:[مىسال:] شۇ چاغدا ياردەمچىسى ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تارتىپ: ئۇستام، ئۆزىڭىزنى تېز جايلاڭ دەپ توۋلىدى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپىق بېجىرمەك، بەجا كەلتۈرمەك؛ ئامال قىلماق، ھەل قىلماق:[مىسال:] ئەمىسە، سەن چىقىپ، ئەپەندىم ئۆيدە يوق دەپ قويغىن، قالغىنىنى ئۆزۈم جايلايمەن، دەپتۇ ئەپەندىم.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر ۋاسىتە بىلەن ئالدىماق، قولغا چۈشۈرمەك:[مىسال:] موللا قارىم دەپ ئۆز ئاكامدىن ئارتۇق كۆرۈپتىمەن. ئاخىرى كېلىپ مېنى جايلاپ كەتتى، دېدى ئۇ موللا زەيدىنگە قاراپ.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەدىپىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ يوقاتماق:[مىسال:] چېرىكلەردىن پەقەت بىر نەچچىسىلا قالدى. ئۇلارنى جايلىۋېتىپلا، بېرىپ نەسىردىن بىلەن قوشۇلىمىز.

جايلىماقⅡ

  • جايلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىغلىق ئەسۋابلارنى تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە سۈركىمەك، ئىتتىكلەتمەك.

جايناماز

  • جايناماز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ناماز ئوقۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان گىلەم، پالاس، كىگىز، رەخت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش توقۇلمىلار:[مىسال:] جايناماز سالماق.

جاينامازلىق

  • جاينامازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جاينامىزى بار. [يەشمىسى:] ② جايناماز قىلىشقا بولىدىغان.

جايىدا

  • جايىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] لايىقىدا، دۇرۇس، ياخشى:[مىسال:] بۇ ئوغۇل ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەمەس، ئىنتايىن دۆت ئىكەن.

جايىز

  • جايىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىجرا قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان، ئىجازەت بېرىلگەن، يول قويۇلغان؛ ئورۇنلۇق:[مىسال:] شەرىئەتتە ھېچقاچان ئەلچىگە ئۆلۈم جايىز ئەمەستۇر.

جەبرائىل

  • جەبرائىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي يەتكۈزگۈچى پەرىشتە.

جەبىر

  • جەبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جىسمانىي ياكى روھىي ئازاب؛ زۇلۇم، خورلۇق:[مىسال:] جەبىر تارتماق. جەبىر چەكمەك.

جەبىر-جاپا

  • جەبىر-جاپا[يەشمىسى:] ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر جەبىر ۋە جاپا، زۇلۇم، خورلۇق.

جەبىر-زۇلۇم

  • جەبىر-زۇلۇم[يەشمىسى:] جەبىر ۋە زۇلۇم:[مىسال:] جەبىر-زۇلۇم تارتماق.

جەبىرلەنمەك

  • جەبىرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جەبىر-زۇلۇم تارتماق، ئازابلانماق، قىينالماق:[مىسال:] ئادەمنى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچىغا بۆلۈۋاتقاندەك، جاننىڭ جەبىرلىنىدىغانلىقىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن.

جەپسەك

  • جەپسەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىنىڭ تۈكى چۈشۈپ كەتكەن يېرىگە يىڭنە بىلەن پەيدا قىلغان تۈك.

جەد (جەددى)

  • جەد (جەددى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاتا-بوۋا، ئەجداد، پۇشت:[مىسال:] ئەرنىڭ جەددى تۆردە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقار، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھدا ئولتۇرۇپ توق چىقار (ماقال).

جەدە

  • جەدە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىزغۇچ سېرىق رەڭ (ئات ھەققىدە):[مىسال:] جەدە ئات. ∥[مىسال:] بەيگىدە ئالدىدا كېتىۋاتقىنى جەدە، ئۇندىن كېيىنكىسى تورۇق ئىدى.

جەددى-جەمەت

  • جەددى-جەمەت[يەشمىسى:] ئاتا-بوۋىلىرى، نەسلى بىر كىشىلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلار:[مىسال:] ئەتىگەنلىك چاي، چۈشلۈك غىزالارنىڭ ھەممىسى باراڭ ئاستىدا، ئاتا-بالا، جەددى-جەمەت جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئىچىلەتتى.

جەدۋەل

  • جەدۋەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① لازىملىق مەلۇماتلار مەلۇم تەرتىپتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىزىق ۋە گرافىلار:[مىسال:] ئەمەت: مەن ماۋۇ جەدۋەلنى تۈزۈپ چىقتىم، كۆرۈپ باقسىڭىز، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ② مەشغۇلات، دەرس، ئىش-ھەرىكەت، چارە-تەدبىر قاتارلىقلارنىڭ ئورنى ۋە ۋاقتى كۆرسىتىلگەن گرافىك:[مىسال:] دەرس جەدۋىلى.[يەشمىسى:] ③ سىزغۇچ:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا، دوسكىغا سىزىق سىزىدىغان ئۇزۇن جەدۋەللەر بىلەن ئالىقانلارغا تاياق يەيتتۇق.

جەدۋەللەشتۈرمەك «

  • جەدۋەللەشتۈرمەك «[يەشمىسى:] جەدۋەللەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جەدۋەللەشمەك

  • جەدۋەللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جەدۋەل ھالىتىگە كەلتۈرۈلمەك، جەدۋەلدە ئىپادىلەنمەك:[مىسال:] ناھىيىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ئاللىقاچان جەدۋەللىشىپ بولغانىدى.

جەدۋەللىك

  • جەدۋەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەدۋەل ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن، جەدۋەللەشكەن.

جەدى

  • جەدى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] جەدى بۇرجى، ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ ئونىنچىسى. مىلادىيە بويىچە ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۇم قىشلىق كۈن توختىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جەدىت

  • جەدىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېڭىلىق تەرەپدارى؛ يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى:[مىسال:] ئۇ چاغدا بۇ جەدىتلەر ئاچقان مەكتەپتە پەننىي دەرسلەرمۇ ئوقۇتۇلاتتى.

جەدىتلىك

  • جەدىتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەسلەك.

جەرەن

  • جەرەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈكلىرى ئاق سېرىق، پارقىرايدۇ؛ مۈڭگۈزى قىسقا ۋە سەل ئەگرى، قۇيرۇقى قىسقا، تۆت ئايىغى ئىنچىكە كېلىدۇ؛ چۆللەردە ياشايدۇ.

جەرراھ

  • جەرراھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى تاشقى كېسەل دوختۇرى.

جەرراھلىق

  • جەرراھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاشقى كېسەل دوختۇرلۇقى.

جەرىمانە

  • جەرىمانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① زىياننى تولدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تۆلىتىۋېلىنىدىغان ھەق:[مىسال:] جەرىمانە ئالماق. جەرىمانە تۆلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] قانۇن ئورگانلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش ھېسابىغا تۆلىتىدىغان پۇل.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] توختام تۈزۈشكۈچى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچى يەنە بىر تەرەپتىن جازالاش ھېسابىغا ئالىدىغان مەلۇم ساندىكى پۇل.

جەريان

  • جەريان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش، ئۆزگىرىش ۋە راۋاجلىنىش داۋامىدىكى مۇساپىسى.

جەريانلىق

  • جەريانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەريانغا ئىگە، مەلۇم جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن.

جەزⅠ

  • جەزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىدە 05% پولات ۋە باشقا ئېلېمېنتلار ئارىلاشقان مىسقا ئوخشاش سېرىق مېتال. ئۇنى ئوق قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

جەزⅡ

  • جەزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىمار ئوينىغۇچىلارغا قەرزگە پۇل بېرىپ، ئۇلارنى قىمارغا سېلىش ۋە ئۇلاردىن تېگىشلىك چوتىرىنى ئېلىش ئىشى:[مىسال:] ئۇ گەرچە قىمارۋاز بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىز جەزگە قىمار ئوينىمايتتى.

جەزبۇزار

  • جەزبۇزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جەز+بۇزار[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ، يوللارنى ئېچىپ ھۆللۈكنى تارقىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، زەھەرنى تارقىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش رولى بار.

جەزخانا

  • جەزخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەز ئارقىلىق قىمار ئۇيۇشتۇرىلىدىغان ئۆي.

جەزخور

  • جەزخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىمار ئويۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جەز قىلغۇچى:[مىسال:] جەزخور ئادەم.

جەزخورلۇق

  • جەزخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەز قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئامراقلىق.

جەزلىك

  • جەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەرنىڭ ئىككى قاپتىلىغا قويۇلىدىغان كۆن ياكى قىرىمدىن قىلىنغان يۇمشاق كۆرپە.

جەزم

  • جەزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قەتئىي، مۇقىم قارار:[مىسال:] جەزم قىلماق.

جەزمەن

  • جەزمەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قەتئىي، چوقۇم، سۆزسىز، شۈبھىسىز:[مىسال:] مەن قانداقلا بولسۇن ئۇ قىزنى جەزمەن ئىزدەپ تاپىمەن، دەپتۇ شاھزادە بوۋايغا.

جەزمەنلەشمەك

  • جەزمەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جەزملەشمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بۈگۈن كەچقۇرۇن يولغا چىقىدىغانلىقى جەزمەنلەشتى.

جەزمەنلىك

  • جەزمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەتئىيلىك، چوقۇملۇق، مۇقەررەرلىك.

جەزملەشتۈرمەك

  • جەزملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «جەزملەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جەزملەشتۈرۈشمەك

  • جەزملەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «جەزملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جەزملەشتۈرۈلمەك

  • جەزملەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «جەزملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جەزملەشمەك

  • جەزملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جەزم قىلىنماق، ئېنىق قارار تاپقان ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] نەق مەيدانغا بېرىپلا، ئوغرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ساقچىلارنىڭ كۆڭلىدە جەزملەشتى.

جەزىرە

  • جەزىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئارال:[مىسال:] ئۈچىنچى كۈنى دېڭىز تەرەپتىن ئاداشقان بىر كېمە بۇلار تۇرغان جەزىرىگە كېلىپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② چۆل، باياۋان، دەشت؛ ساي:[مىسال:] ھازىر ئۇ شەھەر يولىدا ئەمەس، بەلكى قاراقۇم بىلەن قاراتاغ چېگرىسىدىكى «يۇلغۇنلۇق» دەپ ئاتىلىدىغان جەزىرىدە ئىدى. [يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

جەزىرىلىك

  • جەزىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۆللۈك، دەشت-باياۋانلىق.

جەزىرىمە

  • جەزىرىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتايىن ئىسسىق، كۆيگۈدەك دەرىجىدە قىزىغان:[مىسال:] يازنىڭ جەزىرىمە ئىسسىقى پەسىيىپ قالدى.

جەسەت

  • جەسەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلۈك، مۇردا.

جەسۇر

  • جەسۇر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەۋپ-خەتەر، قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان؛ جاسارەتلىك، قەيسەر، يۈرەكلىك، باتۇر:[مىسال:] جەسۇر ئادەم.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

جەسۇرانە

  • جەسۇرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قورقماستىن، جەسۇرلۇق بىلەن، مەردلەرچە:[مىسال:] جەسۇرانە ھەرىكەت.

جەسۇرلاشماق

  • جەسۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جەسۇر ھالەتكە كەلمەك، جاسارىتى ئاشماق:[مىسال:] كەلگۈسىنى خىيال قىلغاندا، پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، جەسۇرلىشىدۇ.

جەسۇرلۇق

  • جەسۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەسۇر كەيپىيات، جاسارەتلىك:[مىسال:] قادىرنىڭ شىۋىرغاندىكى جەسۇرلۇقى يېقىن ئەتراپقا تارالدى.

جەگە

  • جەگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆي قۇرۇلۇشىدا خانىڭ ئۈستىگە توغرا سېلىنىپ، ئۈستىگە ۋاسا تىزىلىدىغان ياغاچ.

جەگىلىك

  • جەگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەگە قىلىشقا بولىدىغان، جەگىگە مۇۋاپىق:[مىسال:] جەگىلىك ياغاچ.

جەڭ

  • جەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش؛ ئۇرۇش:[مىسال:] جەڭ قىلماق. جەڭگە قاتناشماق.[يەشمىسى:] ② قارشى تەرەپنى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەت، كەسكىن كۈرەش:[مىسال:] سۇ قۇرۇلۇش جېڭى باشلاندى.

جەڭچى

  • جەڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇرۇشقا، جەڭگە قاتناشقۇچى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم جەڭگىۋار ئاممىۋى پائالىيەتكە قاتناشقۇچى:[مىسال:] بۇرغىلاش جەڭچىلىرى يېڭى يىل بايرىمىنى يەنىلا بۇرغىلاش بىلەن ئۆتكۈزدى.

جەڭچىلىك

  • جەڭچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەڭچىگە خاس، جەڭچىلەردە بولىدىغان:[مىسال:] جەڭچىلىك بۇرچ. * قەمەرنىسا جەڭچىلىك كىيىمىنى باشقا كىيىمگە ئالماشتۇرۇۋالغانىدى.

جەڭگاھ

  • جەڭگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] جەڭ مەيدانى، جەڭ بولۇۋاتقان جاي.

جەڭگى-جېدەل

  • جەڭگى-جېدەل[يەشمىسى:] ئۇرۇش-جېدەل، جېدەل-ماجىرا:[مىسال:] جەڭگى-جېدەل قىلماق.

جەڭگىۋار

  • جەڭگىۋار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① جەڭ ۋە كۈرەش قىلىشقا ھەر دائىم تەييار تۇرىدىغان، كۈرەش قىلغۇچى، كۈرەشكە قاتناشقۇچى؛ كۈرەشچان:[مىسال:] جەڭگىۋار ئەسكەر. جەڭگىۋار قىسىم.[يەشمىسى:] ② جەڭ ئورنى قىلىپ بەلگىلەنگەن، جەڭ ئېلىپ بېرىلغان، جەڭ قىزىغان:[مىسال:] دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان كېسەللەر مۇددەتتتىن بۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىقىپ، جەڭگىۋار ئورۇنغا قايتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، جەڭگە ئۆزىنى ئاتىدىغان، جەڭدىن قايتمايدىغان:[مىسال:] توغرا، مەن جەڭگىۋار دۈينىڭ دۈيجاڭى بولغان، دېدى ئابلا ئۆپكىدەك ئېسىلىپ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈرەشكە تەييار ۋە كۈرەش روھىغا ئىگە، جەسۇر:[مىسال:] ئۇلارمۇ قىزىل بايراق بىلەن بىللە ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇشتى-دە، جەڭگىۋار قىياپەتكە كېلىشتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىنتايىن مۇھىم، جىددىي، كەسكىن، زۆرۈر:[مىسال:] ئابدۇللا قوماندانلىق شتابىغا، «پوتەيگە ھۇجۇم قىلىشتەك جەڭگىۋار ۋەزىپىنى ئۆز دوستىغا تاپشۇرۇش» ھەققىدە تەلەپنامە يازغانىدى.

جەڭگىۋارلاشتۇرماق

  • جەڭگىۋارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «جەڭگىۋارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىزنىڭ جىددىي سىياسىي ۋەزىپىمىز، ئارمىيىنى جەڭگىۋارلاشتۇرۇشنىڭ بىر ياخشى شەرتى.

جەڭگىۋارلاشماق

  • جەڭگىۋارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جەڭ ۋە كۈرەشكە دائىم تەييار تۇرىدىغان، جەڭگىۋار ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي قوشۇنى كۈنسايىن راۋاجلىنىپ، 1947-يىلىغا كەلگەندە، جەڭگىۋارلاشقان بىر مۇنتىزم قوشۇنغا ئايلاندى.

جەڭگىۋارلىق

  • جەڭگىۋارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەڭگىۋار ھالەت ياكى جەڭگىۋار روھ:[مىسال:] جەڭگىۋارلىقى ئاشماق.

جەڭنامە

  • جەڭنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇرۇش ۋە جەڭلەر ھەققىدىكى قىسسە، بەدىئىي ئەسەر:[مىسال:] جەڭنامە سۆزلىمەك.

جەلپ

  • جەلپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزىگە تارتماق، قاراتماق؛ مەپتۇن قىلماق:[مىسال:] سارايدىكى بېزەكلەر ئارسلان بەگنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلدى.

جەلپكار

  • جەلپكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] جەلپ قىلىدىغان، ئۆزىگە تارتىدىغان:[مىسال:] جەلپكار كىشى.

جەلپكارلىق

  • جەلپكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەلپ قىلىش كۈچى:[مىسال:] ئۇنىڭ ياقۇتتەك تىنىمسىز پارقىراپ تۇرىدىغان قاپقارا كۆزلىرىگە ئوتتەك قىزىق جەلپكارلىق ۋە ھىيلە-مىكىر سېھىرلىرى يوشۇرۇنغانىدى.

جەلپلىك

  • جەلپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىگە تارتىدىغان، قارىتىدىغان؛ جەلپ قىلارلىق؛ جازبىلىك:[مىسال:] سايرىشىم بولغاچ يېقىملىق ھەم سىياقىم جەلپلىك، ئورنىغا باغنىڭ قەپەس بولماقتا جايىم كۈنۈتۈن.

جەللە

  • جەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئوتتۇرىسىغا تېرە كېرىلگەن، مىس تەخسىلىك بىر خىل داپ.

جەم

  • جەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يىغىلغان، توپلانغان:[مىسال:] جەم بولماق. جەم قىلماق.

جەمەت

  • جەمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر نەسەبتىن بولغان كىشى، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداش:[مىسال:] قوزىيوفنىڭ تۈرمىدىن چىقىشى ئۇنىڭ ھەممە جەمەتى ئۈچۈن زور خۇشاللىق ئەكەلدى.

جەمەتلىك

  • جەمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەمەتى كۆپ:[مىسال:] قۇربانلار ناھايىتى جەمەتلىك خەق.

جەمبىل

  • جەمبىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. دورىغا يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئۆتكۈر پۇراقلىق بولۇپ، قىزىتمىنى پەسەيتىش، قاننى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.

جەملەتمەك

  • جەملەتمەك[يەشمىسى:] «جەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جەملەشمەك

  • جەملەشمەك[يەشمىسى:] ① «جەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاكا-ئۇكىلار تاپقان پۇللىرىنى جەملىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② يىغىلغان، جەملەنگەن ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] بار-يوقلىرىمىز تولۇقلىنىپ، كۈچ-قۇدرىتىمىز جەملىشىپ، ھەممە ئىشىمىز خېلى دۇرۇس بولۇۋاتىدۇ، ئىشلىگەن چىشلەۋاتىدۇ.

جەملەنمەك

  • جەملەنمەك[يەشمىسى:] «جەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تىترەك ئاۋازدا ئېيتىلغان بۇ بىر جۈملە سۆزگە ئىچ ئاغرىتىش، ئەپۇ قىلىش ۋە خەيرخاھلىقنىڭ ئالەمشۇمۇل مەزمۇنى جەملەنگەنىدى.

جەملىمەك

  • جەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر يەرگە يىغماق، توپلىماق، يىغىنچاقلىماق:[مىسال:] ئولتۇرۇش ئەھلى ھەممە دىققىتىنى جەملەپ، سادىرنىڭ بەزى قوشاقلىرىغا ئاستا غىڭشىپ ئاۋاز قوشتى.[يەشمىسى:] ② قوشۇپ، يىغىندىسىنى چىقارماق:[مىسال:] ئۇ ھەدەپ چوت سوقۇپ، ئاللىقانداق سان-سىپىرلارنى جەملىمەكتە ئىدى.

جەمئىي

  • جەمئىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بارچە، ھەممە، پۈتۈن، تۈگەل:[مىسال:] جەمئىي ئادەم.[يەشمىسى:] ② ھەممىسى، بارچىسى:[مىسال:] ئىدارەڭلەردە جەمئىي قانچە ئادەم بار

جەمئىيەت

  • جەمئىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مۇئەييەن ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۈستقۇرۇلمىدىن تۈزۈلگەن بىر پۈتۈنلۈك.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنىڭ ئورتاق ماددىي شارائىت ئاساسىدا بىرلەشكەن توپى:[مىسال:] جەمئىيەت كىشىلىرى. * ھېچكىم جەمئىيەتكە ئارىلاشماي، يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر مەقسەتتە تۈزۈلگەن ئىختىيارىي بىرلەشمە، ئىجتىمائىي تەشكىلات:[مىسال:] يازغۇچىلار جەمئىيىتى. تەرجىمانلار جەمئىيىتى.

جەمئىيەتشۇناس

  • جەمئىيەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس.

جەمئىيەتشۇناسلىق

  • جەمئىيەتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

جەمئىيەتلىك

  • جەمئىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەمئىيەتكە تەۋەلىك، جەمئىيەتكە مەنسۇپلۇق:[مىسال:] بۇ ۋاقىتتا جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى كونا، كاپىتالىستىك جەمئىيەتلىكتىن يېڭى، سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئايلىنىدۇ.

جەندە

  • جەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] دىۋانە، دەرۋىشلەرنىڭ ھەر خىل پارچە رەختلەردىن تىكىلگەن ياكى ياماق سېلىنغان تونى:[مىسال:] چاپان دېگەن جەندە، ئۇسسۇل دېگەن مەندە (ماقال).

جەندىر

  • جەندىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاب.

جەننەت

  • جەننەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي ئېتىقاد بويىچە، گۇناھ بولىدىغان ئىشلارنى قىلماي، ياخشى ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغان يېرى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەممە نەرسە تەل بولغان، راھەتبەخش، ئاۋات جاي.

جەننەتقۇشى

  • جەننەتقۇشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جەننەت+قۇش+ى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. پەي، تۈكلىرى ناھايىتى چىرايلىق، ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ سايرايدۇ، ئاۋازى ناھايىتى يېقىملىق كېلىدۇ. ئىرىئان ئارىلى ئەتراپىدا ياشايدۇ.

جەننىتىي

  • جەننىتىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جەننەتكە كىرىدىغان، بىگۇناھ ئادەم.

جەنۇب

  • جەنۇب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تۆت ئاساسىي تەرەپنىڭ بىرى، كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ تۇرغاندا ئوڭ قول تەرەپ، شىمالنىڭ ئەكسى تەرىپى.[يەشمىسى:] ② شۇ تەرەپ ۋە شۇ تەرەپكە جايلاشقان يەرلەر، رايونلار، شەھەرلەر:[مىسال:] مەن جەنۇبتىن كەلدىم.

جەنۇبىي

  • جەنۇبىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جەنۇبقا تەۋە؛ جەنۇب تەرەپتىكى:[مىسال:] جەنۇبىي شەھەر. جەنۇبىي قۇتۇپ.

جەنيى

  • جەنيى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئۇرۇش ئوپېراتسىيىسى، ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى.

جەھەت

  • جەھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەرەپ ياكى بىرەر ئىش، مەسىلە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىي قىسمى:[مىسال:] ئۇنىڭ دوكلاتىدا تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ بېقىشقا تېگىشلىك خېلى كۆپ جەھەت بارلىقىنى ئېيتتى.

جەھەننەم

  • جەھەننەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دوزاخ:[مىسال:] جاھىل چېرىك بىر پاي ئوق بىلەن جەھەننەمگە راۋان بولدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىنتايىن چوڭقۇر؛ تېگى يوق يەر:[مىسال:] ئەگەر ئۇ يەر جەھەننەمدە بولسىمۇ، چوقۇم تاپىمەن، دېدى رۇستەم قەتئىي ھالدا.

جەھرە

  • جەھرە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاۋاز چىقىرىپ ئوقۇلغان زىكىر-تەلقىن، ھۆكمەت:[مىسال:] جەھرە سالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاۋازىنى چىقىرىپ ئۈنلۈك ئېيتىلغان:[مىسال:] ھوي خوتۇن، كېكەچلىمەي، جەھرە گەپ قىلىڭلار

جەھرىخانا

  • جەھرىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىلەر توپلىنىپ، ھاپىزلارغا ئەگىشىپ جەھرە سالىدىغان ئۆي؛ جاي.

جەۋزا

  • جەۋزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] جەۋزا بۇرجى، ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ ئۈچىنچىسى. مىلادىيە بويىچە ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتراپىدا قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ چاغدىكى مەۋسۇم «سەرەتان» بولىدۇ.

جەۋلان

  • جەۋلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەر تەرەپكە تاشلىنىپ، ئايلىنىپ ياكى يۇقىرىغا چاپچىپ قىلىنغان يەڭگىل، چاققان ھەرىكەت:[مىسال:] جەۋلان قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

جەۋلان قىلماق

  • جەۋلان قىلماق[يەشمىسى:] ① ھەر تەرەپكە تاشلانماق؛ لەپىلدىمەك، پەرۋاز قىلماق:[مىسال:] قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلدى.[يەشمىسى:] ② ئىپادىلەنمەك، نامايان بولماق:[مىسال:] ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا ئىسمائىلغا نىسبەتەن چەكسىز قايىللىق، سەمىمىي ھېسداشلىق، چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى جەۋلان قىلاتتى.

جەۋھەر

  • جەۋھەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قىممەت باھا تاشلارنىڭ ئومۇمىي نامى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر شەيئىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مېغىزى، يادروسى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئاساسلىق، ئەھمىيەتلىك قىسمى:[مىسال:] سەنئەت جەۋھەرلىرى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم ئەجىر، تىرىشچانلىقنىڭ مېۋىسى، نەتىجىسى:[مىسال:] تەپەككۇرۇمنىڭ ئەڭ ئېسىل جەۋھەرلىرى شۇ كىتابنىڭ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالماقتا ئىدى.

جەينەك

  • جەينەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قولنىڭ بىلەك سۆڭىكى بىلەن مۈرە سۆڭىكى تۇتاشقان، ئېگىلگەندە بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدىغان جايى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم لىنىيىنىڭ ئېگىلگەن، بۇرالغان جايى:[مىسال:] بىزنىڭ يېزا ئەنە شۇ دەريانىڭ ئايلىنىشىدىكى جەينەككە جايلاشقان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىلگەن، جەينەككە ئوخشايدىغان:[مىسال:] جەينەك كاناي.

جەينەكلەتمەك

  • جەينەكلەتمەك[يەشمىسى:] «جەينەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جەينەكلەشمەك

  • جەينەكلەشمەك[يەشمىسى:] «جەينەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار ئورۇن تالىشىپ، بىر-بىرى بىلەن جەينەكلىشىپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈشتى.

جەينەكلەنمەك

  • جەينەكلەنمەك[يەشمىسى:] ① «جەينەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② «جەينەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خانىش قوشلاپ قويۇلغان مامۇق ياستۇققا جەينەكلەندى.

جەينەكلىك

  • جەينەكلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەينىكى بار، جەينەك چىقىرىلغان:[مىسال:] جەينەكلىك ئوق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىنى جەينىكىنىڭ ئۈستىگە باستۇرغا قىلىپ تاڭىدىغان ياستۇقچە.

جەينەكلىمەك

  • جەينەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جەينەك بىلەن ئىتتەرمەك، نوقۇماق:[مىسال:] مۇزىكا رومبىغا چېلىندى، مەن ئادەملەرنى جەينەكلەپ يۈرۈپ، قىزنىڭ ئورۇندۇقى يېنىغا باردىم.[يەشمىسى:] ② جەينىكىنى تىرىمەك، تايانماق:[مىسال:] نۇرئاخۇن ئاكا ياتقان ئورنىدىن جەينەكلەپ تۇرۇپ، تامغا يۆلىنىپ ئولتۇردى.

جوتاڭ

  • جوتاڭ[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاڭ:[مىسال:] جوتاڭ چالماق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارىلىشىپ كەتكەن، قالايمىقان.

جوتۇ

  • جوتۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] تاش-تۇپراقنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، بىر بېشى ئۇچلۇق يەنە بىر بېشى بىسلىق، ساپلىق تۆمۈر ئەسۋاب.

جوجەي

  • جوجەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئېغىزنىڭ جاۋىغىيىغا چىقىدىغان چاقا، گەز. [يەشمىسى:] ② ئېغىزدۇرۇق.

جوجو

  • جوجو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. بال س[يەشمىسى:] ① بالىلارنى كىچىك تەرەت قىلىشقا ئۈندەش سۆزى. [يەشمىسى:] ② كىچىك تەرەت، سۈيدۈك:[مىسال:] بالام جوجو بارمۇ

جودا

  • جودا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇش-تالاش، جېدەل-ماجىرا:[مىسال:] جودا تېرىماق. جودا چىقارماق. جودا قىلماق.

جوداچى

  • جوداچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جودا پەيدا قىلغۇچى، جېدەلخور ئادەم.

جودالاشماق

  • جودالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جېدەل قىلىشماق. سوقۇشماق:[مىسال:] ئالدىنقى كۈنى دىلبەر بىلەن ئىككىمىز جودالىشىپ قالغانىدۇق.

جور

  • جور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ماس، ئۇيغۇن، لايىق:[مىسال:] كۆنەسنىڭ قىز-يىگىتى بۇلبۇل بىلەن گۈل ئىكەن. باغدىمۇ ھەم تاغدىمۇ بىر-بىرىگە جور ئىكەن.[يەشمىسى:] ② تەڭكەش، ئاھاڭداش:[مىسال:] مەن بۇلبۇلى چىمەننىڭ، غەزەل-ناخشام تۈمەن مىڭ، مۇقامىمغا جور-تەڭكەش دۇتارىم بار چىرايلىق.

جورا

  • جورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تەڭتۇش، سەپداش، دوست:[مىسال:] ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ گۈلچىمەن، يەڭگىلەر ۋە جورا قىزلار ئارىسىدا ھۇجرىدىن چىقىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② قانۇنلۇق نىكاھتىكى ئەر ياكى ئايال:[مىسال:] جورا بولماق. جورا تاپماق.

جوراتماق

  • جوراتماق[يەشمىسى:] «جورىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاناڭنى جوراتما، قىزىم

جوراشماق

  • جوراشماق[يەشمىسى:] «جورىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جورلۇق

  • جورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭكەش، جور قىلىنغان:[مىسال:] جورلۇق مۇزىكا.

جورۇتماق

  • جورۇتماق[يەشمىسى:] «جورۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جورۇشماق

  • جورۇشماق[يەشمىسى:] «جورۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جورۇق

  • جورۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۇيرۇق.

جورۇقچىلىق

  • جورۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۇيرۇقۋازلىق.

جورۇماق

  • جورۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بۇيرۇماق:[مىسال:] كېمىنىڭ دورغىسى خىزمەتچىلىرىنى قىچقىرىپ، 50 چىپتىنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىشقا جورۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئىشقا سالماق، ئىشلەتمەك؛ ئىشلىمەك:[مىسال:] خوي جورۇدۇڭ ئەقلىڭنى، (ئاللا بەرسۇن بەختىڭنى). يۈرەك-جېنىم ياشارسۇن، پۇراي غۇنچە گۈلۈڭنى.

جورىلىق

  • جورىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جورىسى بار، جورا تاپقان.

جورىماق

  • جورىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش، بىرەر مەسىلە ھەققىدە توختىماي، تەكرار-تەكرار سۆزلەپ كەتمەك، قايتا-قايتا دەۋەرمەك:[مىسال:] ھە، نېمە گەپ «ساقچى ئەپەندى» دەپ جوراپ كەتمىسەڭمۇ بىز ساقچى، دېدىم مەن ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن.[يەشمىسى:] ② كايىماق، ئاچچىقلانماق:[مىسال:] مانا بۇ ئىش تۈپەيلى، داۋۇت موللام يەنە جوراشقا باشلىدى.

جوزا

  • جوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئۈستى تۈز، ئاستى تۆت بۇرجىكىگە تۆت پۇت ئورنىتىلغان، ياغاچ ۋە تۆمۈر قاتارلىقلاردىن ياسالغان ئۆي جابدۇقى؛ شىرە.

جوزا-بەندىڭ

  • جوزا-بەندىڭ[يەشمىسى:] جوزا ۋە بەندىڭ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر.

جوغا

  • جوغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاپتۇۋا، چەينەك ۋە چۆگۈنلەرنىڭ سۇنى سىرتقا چىقىرىدىغان ئېغىزى.

جوغدا

  • جوغدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچار-قۇش ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ كوكۇلىسى.

جوغداي

  • جوغداي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگىنىڭ بوينى ۋە تىزىنىڭ ئۈستىدىكى ئۇزۇن يۇڭلار.

جوغدۇن

  • جوغدۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېتىك، تىمەن، شوخ.

جوغدىيەك

  • جوغدىيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېكىياننىڭ پۆپۈكى.

جوغىلىق

  • جوغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جوغىسى بار، جوغا ئورنىتىلغان:[مىسال:] جوغىلىق چۆگۈن.

جوقا

  • جوقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ جىلغىسى.

جوڭسا

  • جوڭسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىس چۆگۈنلەرنىڭ ئېغىز ياپقۇچىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان قۇببىگە ئوخشايدىغان قىسمى.

جول

  • جول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىشنىڭ بىرلىكى. بىر جول 10 ئېرىگكە تەڭ.

جولاپ

  • جولاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شېكەر قىيامى بىلەن مۇز سۈيىنىڭ ئارىلاشمىسى.

جومباق

  • جومباق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «قاملاشمىغان، سەت» دېگەن مەنىدىكى تىل-ھاقارەت سۆزى (ئاياللار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، بۇ ۋالاقتەگكۈر جومباقنى تەستەكلىۋەتكۈسى كەلدى.

جون

  • جون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.، [يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە بېلىنىڭ ئۈستى قىسمى.

جونداق

  • جونداق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كونا، ئەسكى، يىرتىق:[مىسال:] ئۇلار جونداق كىيىملەرنى كىيىۋالغان بولۇپ، يالاڭ ئاياغ ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشۇنداق كىيىنگەن كىشى، يالاڭ تۆش:[مىسال:] ئۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىنى بەگزادە، بىزلەرنى بولسا جونداقلار دەپ قاراپ بىر يەردە ئولتۇرۇشتىن نومۇس قىلاتتى.

جونلانماق

  • جونلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھايۋانلار جونىغا گۆش، ماي يىغماق، سەمرىمەك:[مىسال:] بىر كۈنى ئاپام: ھەي تەنتەك مەخلۇقەي، خېلىلا جونلىنىپ قالدىڭ، دەپ قويدى مۈشۈككە قاراپ.

جونلۇق

  • جونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جونىغا گۆش، ماي يىغقان، سەمرىگەن:[مىسال:] جونلۇق پاقلان.

جونۇشماق

  • جونۇشماق[يەشمىسى:] «جونۇماق» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جونۇماق

  • جونۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىگىز قولىنى تەڭلىمەك، قول شىلتىماق، سىلكىمەك:[مىسال:] مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا سېنى تىللاپ، جونۇپ قويىمەن. خوش بىلمەپتىمەن دەپ تۇرۇۋەر، دېدى شەرۋان مەشرەپكە قاراپ.

جوھۇت

  • جوھۇت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] يەھۇدىيلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىنسىز، كاپىر، ياۋۇز، قەبىھ.

جوۋاتماق

  • جوۋاتماق[يەشمىسى:] «جوۋىماق» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆزلىرىنى جوۋاتماي، ئۆزۈملا ئېيتىپ بېرەي، دېدى توختىبۈۋى.

جوۋاشماق

  • جوۋاشماق[يەشمىسى:] «جوۋىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] جوۋاشمىسىلا، دېدى نىيازخان ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارغا قاراپ، مەن ئۆزۈم تۈگىتەلەيمەن.

جوۋالغۇ

  • جوۋالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاۋارىچىلىك، قىينىلىش:[مىسال:] جوۋالغۇ تارتماق. جوۋالغۇغا قالماق. يول جوۋالغۇسى.

جوۋىماق

  • جوۋىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاۋارە بولماق، بىسەرەمجان بولماق، كايىماق:[مىسال:] ئۆزلىرى كۆپ جوۋاپلا، رەھمەت.

جۇ

  • جۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دېھقانلار كالېندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن-تۈن توختىشىدىن باشلانغان ھەر بىر توققۇز كۈن. بۇ ئادەتتە بىرىنچى جۇدىن توققۇزىنچى جۇغىچە داۋاملىشىدۇ.

جۇاڭزۇ

  • جۇاڭزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن گۇاڭشى، يۈننەن ۋە گۇاڭدۇڭغا جايلاشقان.

جۇتⅠ

  • جۇتⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇمانلىق سوغۇق شامال:[مىسال:] جۇت ئاپىتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق، بەختسىزلىك؛ بالا-قازا:[مىسال:] جۇتنى كۆرگەن ياشلىق ئۆمرىمىز بۈگۈن باھار پەيزىنى سۈردى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ئوڭۇشسىزلىق، بەختسىزلىك ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان:[مىسال:] جۇتلۇق ھاۋا كىرگەندىن بۇيان، جۇت ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىمۇ بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەك توشىمايدىغان:[مىسال:] ئايىغى جۇت بالا.

جۇتⅡ

  • جۇتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لىپا دەرىخى ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. قوۋزاق تالاسى توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ، يىلتىزى بىلەن يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ. بالىياتقۇ قاناش، دوۋساققا تاش چۈشۈش كېسەللىكىنى داۋالاش رولىغا ئىگە.

جۇتاقاتماق

  • جۇتاقاتماق[يەشمىسى:] «جۇتاقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جۇتاقاشماق

  • جۇتاقاشماق[يەشمىسى:] «جۇتاقىماق» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جۇتاقىماق

  • جۇتاقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جۇتقا يولۇقماق، جۇتقا ئۇچرىماق.

جۇتچىلىق

  • جۇتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سوغۇق شامىلى بار تۇمانلىق ھالەت:[مىسال:] ئىككى كۈن بولدى، جۇتچىلىقنىڭ دەستىدىن تالا-تۈزگىمۇ چىقالمىدۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوڭۇشسىزلىق، بالا-قازا:[مىسال:] يۇرتىمىزنى جۇتچىلىق قاپلىدى.

جۇت-شىۋىرغان

  • جۇت-شىۋىرغان[يەشمىسى:] جۇت ۋە شىۋىرغان.

جۇتلۇق

  • جۇتلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سوغۇق شاماللىق تۇمان قاپلىغان:[مىسال:] جۇتلۇق كۈنلەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرغان ھالەت، قوپاللىق:[مىسال:] «قېرىشقاندەك باينىڭ ماۋۇ جۇتلۇقىنى قارىمامدىغان» دەپ ئويلىدى نادەم تىت-تىت بولۇپ.

جۇخارگۈل

  • جۇخارگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جۇخار+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، سېپى بولىدۇ، گىرۋىكىدە يېرىقچىلىرى ياكى چىشلىرى بولىدۇ. كۈزدە چېچەكلەيدۇ، مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئاق جۇخارگۈلنى چاي ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ سېرىق، ئاق جۇخارگۈل دورا بولىدۇ. قىزىتمىنى قايتۇرۇش، جىگەرنى تىنچلاندۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولى بار.

جۇدا

  • جۇدا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئايرىم، خالىي، ئايرىلغان:[مىسال:] جۇدا بولماق. جۇدا قىلماق. * ئانىنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇدىن جۇدا، سەھەردە كېلەر دەپ كۈتەمدۇ ئۇنى.

جۇدالاشماق

  • جۇدالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جۇدا بولماق، ئايرىلماق، قۇتۇلماق:[مىسال:] بىز ئۇنىڭدىن مەڭگۈ جۇدالاشتۇق.

جۇدالىق

  • جۇدالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش؛ ئايرىلىش، ھىجران:[مىسال:] جۇدالىق زارى.

جۇدۇن

  • جۇدۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سوغۇق ھاۋا ئېقىمى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاچچىق غەزەپ:[مىسال:] جۇدۇنى تۇتماق. * مەن باقىغا جاۋاب بەرگۈچە، بەگ جۇدۇن بىلەن سۆزلىگىلى تۇردى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى توسالغۇ، قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىققا تولغان ۋاقىت، بوران-چاپقۇن:[مىسال:] ئېيتىڭا پاتىمە، سىز بىلەن بىز جۇدۇندا تېپىشقانلار تۇرۇپ، ئىللىق باھاردا تەتۈر قارىشىمىزمۇ دېدى سۇنۇر ھاياجان بىلەن.

جۇدۇن-چاپقۇن

  • جۇدۇن-چاپقۇن[يەشمىسى:] ① يېغىن ئارىلاش شىۋىرغانلىق سوغۇق ئېقىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى زور قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق، توسالغۇ:[مىسال:] قىزىلگۈلگە تىكەن ھەمراھ بولغاندەك، بىزگىمۇ جۇدۇن-چاپقۇنلار قول ئۇزاتماقتا، دېدى يولدىشىم بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ.

جۇدۇن-چاپقۇنلۇق

  • جۇدۇن-چاپقۇنلۇق[يەشمىسى:] جۇدۇن-چاپقۇنى بار، جۇدۇن-چاپقۇنغا تولغان:[مىسال:] 1950-يىلنىڭ ئەتىياز پەسلى، ھاۋا يەنىلا جۇدۇن-چاپقۇنلۇق ئىدى.

جۇدۇنلۇق

  • جۇدۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۇدۇنى بار، جۇدۇن پەيدا بولغان:[مىسال:] كۈن جۇدۇنلۇق بولغاچقا، ئۇلار ھاممامنىڭ ھويلىسىغا كىرىپلا، ئوچاق ئالدىغىراق كېلىشتى.

جۇزبۇۋا

  • جۇزبۇۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇسكات دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. مېۋىسى شار شەكلىدە، ئۇرۇقى سوقىچاق كېلىدۇ؛ مېغىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ياكى ئۇرۇق مېغىزى.

جۇش

  • جۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «ئۇرماق» پېئىلى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ:[يەشمىسى:] ① دولقۇنلىماق، مەۋج ئۇرماق:[مىسال:] كۈن ئۆتەر، ئايلار ئۆتەر، يىللار ئۆتەر تېز قوغلىشىپ، خۇددى دەريا سۈيى تېز ئاققىنىدەك جۇش ئۇرۇپ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاينىماق، تولۇپ تاشماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، بۇ يەردە يېڭىلا جۇش ئۇرۇپ تۇرغان قىزغىنلىق بىردىن پەسىيىپ، شتاب ئىچى جىمىپ قالغاندەك بولۇپ كەتتى.

جۇشقۇن

  • جۇشقۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جۇش ئۇرۇپ تۇرغان، دولقۇنلىغان، مەۋج ئۇرغان:[مىسال:] جۇشقۇن كەيپىيات.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قايناق؛ قىزغىن، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق:[مىسال:] باغچىلار شوخ ۋە جۇشقۇن ياشلار بىلەن جانلاندى.

جۇشقۇنلاتماق

  • جۇشقۇنلاتماق[يەشمىسى:] «جۇشقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پارتىيىمىزنىڭ سىياسىتى روھىمىزنى جۇشقۇنلاتتى.

جۇشقۇنلاشماق

  • جۇشقۇنلاشماق[يەشمىسى:] ① «جۇشقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مەيدانغا كىرىشى بىلەن بىر-بىرىدىن جۇشقۇنلىشىپ، بەس-بەستە يۈگۈرۈشتى.[يەشمىسى:] ② جۇشقۇن ھالەتكە كەلمەك، جۇشقۇنلىماق:[مىسال:] خۇشاللىقىدا جۇشقۇنلاشقان شائىر سوئال دېگەننى ئۈستى-ئۈستىگە ياغدۇرۇۋەتكەنىدى.

جۇشقۇنلانماق

  • جۇشقۇنلانماق[يەشمىسى:] «جۇشقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئوي-پىكىر سابىرنىڭ جۇشقۇنلىنىپ تۇرغان ۋۇجۇدىغا تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەت ۋە جاسارەت بېغىشلايتتى.

جۇشقۇنلۇق

  • جۇشقۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇش ئۇرۇپ تۇرغان، جۇشقۇن ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن قانداقتۇر بىر جۇشقۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.

جۇشقۇنلىماق

  • جۇشقۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جۇش ئۇرماق، مەۋج ئۇرماق، دولقۇنلىماق:[مىسال:] جۇشقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى مۇشۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② قاينىماق، روھلانماق:[مىسال:] كەلمەكتە جۇشقۇنلاپ ياڭرىغان ناۋا، ئاي ئۈزەر ئاسماندا كۈمۈش نۇر چېچىپ، قىزىلگۈل ھۆسنىدە ئوتلۇق تەبەسسۇم، تۇراتتى بۇلبۇلغا باغرىنى ئېچىپ.

جۇغⅠ

  • جۇغⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سوغۇق ۋە باشقا تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن بەدەندە پەيدا بولغان تىترەش، سىلكىنىش.

جۇغⅡ

  • جۇغⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەن، تەن قۇرۇلۇشى:[مىسال:] جۇغى كىچىك ئادەم.

جۇغⅢ

  • جۇغⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زىچ، كۆجۈم؛ نۇرغۇن:[مىسال:] جۇغ مەھەللە.

جۇغ-جەم

  • جۇغ-جەم[يەشمىسى:] ئومۇمەن، ھەممىسى قوشۇلۇپ، بارلىقى:[مىسال:] جۇغ-جەمى ئارانلا 8070 چە تۈتۈن بار بۇ يېزىنىڭ چېگرىسى ئۈچ ناھىيە بىلەن تۇتىشىدۇ.

جۇغ-جۇغ

  • جۇغ-جۇغ[يەشمىسى:] بەدەننىڭ سوغۇق ياكى يېقىمسىز، غەيرىي نورمال ئەھۋالىدىن تۇرۇپ-تۇرۇپ سىلكىنىپ تىترىشى.

جۇغراپىيە

  • جۇغراپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① پۈتۈن دۇنيانىڭ ياكى بىر رايوننىڭ تاغ-دەريالىرى ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق تەبىئىي مۇھىتى ۋە ماددىي ئىشلەپچىقىرىش، قاتناش-ترانسپورت، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى قاتارلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى. [يەشمىسى:] ② مۇشۇلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن:[مىسال:] تەبىئىي جۇغراپىيە.

جۇغراپىيىچى

  • جۇغراپىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇغراپىيە بىلەن شۇغۇللانغان، جۇغراپىيە ئۆگەنگەن كىشى.

جۇغراپىيىشۇناس

  • جۇغراپىيىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇغراپىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىم.

جۇغراپىيىلىك

  • جۇغراپىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۇغراپىيىگە ئاساسلانغان، جۇغراپىيىگە تەئەللۇق، جۇغراپىيە جەھەتتىكى:[مىسال:] جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈش.

جۇغراپىيىۋى

  • جۇغراپىيىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «جۇغراپىيىلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] جۇغراپىيىۋى شارائىت ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

جۇغغىدە

  • جۇغغىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جۇغ» قىلغان ھالدا، «جۇغ» قىلىپ:[مىسال:] پادىشاھ گىرۋەككە كېلىپ يەرگە شۇنداق قاراپتىكەن، تېنى «جۇغغىدە» قىلىپ، يۈرىكى ئېغىپتۇ.

جۇغلاتماق

  • جۇغلاتماق[يەشمىسى:] «جۇغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ماتېرىيال جۇغلاتماق. ئوغۇت جۇغلاتماق.

جۇغلاشماق

  • جۇغلاشماق[يەشمىسى:] «جۇغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قارنى تازىلاپ بولۇپ، سايمانلارنى بىر يەرگە جۇغلاشتى.

جۇغلانما

  • جۇغلانما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىغىلغان، جۇغلانغان:[مىسال:] جۇغلانما فوند.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] مىللىي دارامەتنىڭ كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلگەن قىسمى.

جۇغلانماق

  • جۇغلانماق[يەشمىسى:] «جۇغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جۇغلىماق

  • جۇغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] توپلىماق، يىغماق:[مىسال:] پۇل جۇغلىماق.

جۇغۇلداتماق

  • جۇغۇلداتماق[يەشمىسى:] «جۇغۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سوغۇق نەشتەردەك سانجىلىپ، بەدەننى جۇغۇلدىتاتتى.

جۇغۇلداشماق

  • جۇغۇلداشماق[يەشمىسى:] ① «جۇغۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قورققىنىدىن بالىلارنىڭ يۈرەكلىرى جۇغۇلدىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئۈزلۈكسىز جۇغۇلداپ كەتمەك، جۇغۇلدىماق:[مىسال:] رازىيە تىلىنى چىقاردى، دوختۇرغا يەنە بەدىنىنىڭ جۇغۇلدىشىدىغانلىقىنى، كۆزلىرىنىڭ قاراڭغۇلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇغۇلدىماق

  • جۇغۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جۇغ-جۇغ» قىلىپ تىترىمەك، «جۇغ-جۇغ» قىلماق:[مىسال:] ناخشىنىڭ ئەۋجى كۆتۈرۈلگەندە، يۈرەكنىڭ نازۇك تارلىرى جۇغۇلداپ كېتەتتى.

جۇگۇۋاز

  • جۇگۇۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلە قايناپ پىشقاندىن كېيىن، مەشۇت ئۇچىنى سۈزۈپ ئالىدىغان ئەگرى تاياقچە.

جۇڭ

  • جۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ساپىقى يوق رومكا.

جۇڭ سۆرەشمەك

  • جۇڭ سۆرەشمەك[يەشمىسى:] ① ھاراق ئىچىشىپ بەرمەك. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتىگە قوشۇلۇپ، ھە-پە دېيىشمەك:[مىسال:] ئەمەتمۇ بىزگە قوشۇلۇپ جۇڭ سۆرۈشۈپ بەردى.

جۇڭجياڭ

  • جۇڭجياڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان. دەرىجىسى شاڭجياڭدىن تۆۋەن، شاۋجياڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

جۇڭجياڭلىق

  • جۇڭجياڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇڭجياڭغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە.

جۇڭخۇا

  • جۇڭخۇا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندا خۇاڭخې ۋادىسى ئەتراپى «جۇڭخۇا» دەپ ئاتالغان. بۇ جايلار خەنزۇ مىللىتىنىڭ دەسلەپ شەكىللەنگەن جايى ئىدى. كېيىن بۇ نام جۇڭگونى كۆرسىتىدىغان بولدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] سوتسىيالىستىك دۆلەت. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. كۆلىمى توققۇز مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چاۋشيەن، ۋيېتنام، لائوس، بىرما، ھىندىستان، بۇتان، سىككىم، نېپال، پاكىستان، ئافغانىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمى سېرىق دېڭىز، شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز ۋە ياپونىيە، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، مالايشىيا ۋە برۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇ 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە بۆلۈنگەن. پايتەختى بېيجىڭ. ئاھالىسى بىر مىليارد 160 مىليون (1990-يىللىق مەلۇمات) ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا 56 مىللەت ياشايدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى

  • جۇڭخۇا مىللىتى[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق نامى. 56 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇڭخۇا مىنگو

  • جۇڭخۇا مىنگو[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ 1912-يىلدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دۆلەت نامى.

جۇڭسەنفۇ

  • جۇڭسەنفۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] بىر خىل كىيىم. چاپىنىنىڭ ئۆرە ياقىسى ۋە تۈگمىلىك تۆت دانە چاپلىما يانچۇقى بولىدۇ. ئىشتىنى غەربچە بولۇپ، ئۇزۇن كېلىدۇ. بۇ خىل كىيىمنى سۈن جۇڭشەن تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىسىم ئۇنىڭ نامىغا بېرىلگەن.

جۇڭشى

  • جۇڭشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان. دەرىجىسى شاڭشىدىن تۆۋەن، شياشىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

جۇڭشياۋ

  • جۇڭشياۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان. دەرىجىسى شاڭشياۋدىن تۆۋەن، شاۋشياۋدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

جۇڭگو

  • جۇڭگو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسقارتىلغان نامى.

جۇڭگوچە

  • جۇڭگوچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] جۇڭگوغا خاس؛ جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى، جۇڭگوغا باب، جۇڭگوغا مۇۋاپىق.

جۇڭگوشۇناس

  • جۇڭگوشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، ئاھالىسى، تىل ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] چارلىز جۇڭگوشۇناس بولۇپ، ئىلگىرى جۇڭگودا بىر قانچە يىل تۇرغان.

جۇڭگوشۇناسلىق

  • جۇڭگوشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئاھالىسى، تىلى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

جۇڭگولۇق

  • جۇڭگولۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۇڭگودا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو بولغان:[مىسال:] جۇڭگولۇق ئايال. جۇڭگولۇق بالا.

جۇڭۋېي

  • جۇڭۋېي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان. دەرىجىسى شاڭۋېيدىن تۆۋەن، شاۋۋېيدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

جۇڭيى

  • جۇڭيى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆزىگە خاس تېبابەتچىلىك ئىلمى. ئۇ جۇڭگو تېبابىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

جۇل

  • جۇل[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئېشەكلەرگە توقۇلىدىغان باشلىقى يوق مۆلە، ئۇچۇلۇق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىق كىيىىپ ياكى ئىشلىتىپ، ھەممە يېرى يىرتىلىپ كەتكەن، ئۈستى-ئۈستىگە ياماق چۈشكەن:[مىسال:] غازنى ئاتماستىن تۇرۇپ قورداق ئۈچۈن قىلما سانا، جۇل دېمەي كىي كىيىمىڭنى، ئۇنى پات-پات يۇ، ياما.

جۇلاⅠ

  • جۇلاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سۈزۈكلۈك ۋە سىلىقلىقتىن يالتىرىغان، پارلىغان ھەر خىل تۈسلىنىش، پارقىراقلىق.

جۇلاⅡ

  • جۇلاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئەجەم، سىگاھ ۋە ئىراقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسقا مۇقامدىن باشقا مۇقاملار تەركىبىدە كېلىدىغان ۋە ئۇسسۇللۇق پۇرىقى روشەن بولغان بىر خىل ئۇسۇللۇق مۇزىكا.

جۇلاسىز

  • جۇلاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۇلاسى يوق، نۇرسىز، كۆرۈمسىز، خۇنۈك:[مىسال:] جۇلاسىز مارجان.

جۇلالانماق

  • جۇلالانماق[يەشمىسى:] «جۇلالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جۇلالىق

  • جۇلالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۇلاسى بار، جۇلالانغان، جۇلالىنىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] قىز ھاۋا رەڭ شايى ياغلىقىنى بوينىغا سېلىپ، جۇلالىق يەكەن ئەتلىسىگە پۈركەنگەنىدى.

جۇلالىماق

  • جۇلالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نۇر چاچماق، چاقنىماق، پارقىرىماق، يالتىرىماق:[مىسال:] كۈننىڭ ئاستا-ئاستا ئولتۇرۇشىغا ئەگىشىپ قىزىل يۇلغۇن چېچەكلىرى تېخىمۇ جۇلالاپ كەتتى.

جۇلان

  • جۇلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىزىل يۈسۈنلەرنىڭ بىر تۈرى، دېڭىز قولتۇقلىرىدىكى تېيىز دېڭىز سۈيىدە ئۆسىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاگار يېلىمى ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ.

جۇل-جۇل

  • جۇل-جۇل[يەشمىسى:] يىرتىلىپ، تىتىلىپ كەتكەن، كۆپ ياماق چۈشكەن، ناھايىتى كونا:[مىسال:] جۇل-جۇل كىيىم. جۇل-جۇل كېپەن.

جۇلدارىماق

  • جۇلدارىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كونىراپ تىتىلىپ كەتمەك، جۇل-جۇل بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] نېمانچە قىلىسىز، ئۇنىڭ جۇلداراپ تۇرغان كىيىملىرىنى تۇتقىنىڭىز نېمىسى دېدى ئۇ قىزىغا.

جۇلدۇر

  • جۇلدۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن، نەچچە يېرىگە ياماق چۈشكەن:[مىسال:] جۇلدۇر كىيىم.

جۇلۇق

  • جۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونىراپ جۇل-جۇل بولۇپ كېتىش:[مىسال:] جۇلۇقى چىقماق.

جۇمھۇرىيەت

  • جۇمھۇرىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھاكىمىيەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگانلىرى يەنە مەلۇم مۇددەتتە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان دۆلەت تۈزۈمى ھەم شۇنداق دۆلەت:[مىسال:] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى.

جۇمھۇرىيەتچى

  • جۇمھۇرىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇمھۇرىيەت تەرەپدارى، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغدىغۇچى.

جۇمھۇرىيەتچىلىك

  • جۇمھۇرىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇمھۇرىيەت تەرەپدارىلىق.

جۇمھۇرىيەتلىك

  • جۇمھۇرىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورنىتىلغان، يولغا قويۇلغان:[مىسال:] بۇ يەردە دېيىلگەن دۆلەت تۈزۈمى جۈملىدىن دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

جۇمۇ

  • جۇمۇ[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ① بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، ئالاھىدە جېكىلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەي، راۋابنى ئەكىلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغىن جۇمۇ دېدى ئۇ بوۋاي بالىغا.[يەشمىسى:] ② بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، ئاڭلىغۇچىدىن جۈملىدە ئېيتىلغان ئىشنى بىلىپ قويۇش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، بەزىدە ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسلىتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىلىنىڭ بۇ ئىشلىرىغا ئاتىلىرى تازا رازى ئەمەس جۇمۇ، دېدى ئەلانۇرخان ئوغلىغا چاي سۇنۇپ تۇرۇپ.

جۇمۇسىلا

  • جۇمۇسىلا[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «جۇمۇ» سۆزىنىڭ سىپايە شەكلى:[مىسال:] بىزگە تەييارلاۋاتقان سومەنلىرىنى ئۈچ تەخسە قىلىپ ئەكەلسىلە، يېغى، گۆشى ئاۋۇنراق بولسۇن جۇمۇسىلا.

جۇنۇپ

  • جۇنۇپ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنمىغان، پاسكىنا؛ نىجاسەت تەگكەن:[مىسال:] جۇنۇپ ئادەم. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇيۇنمىغان، نىجاسەت تەككەن كىشى.

جۇنۇپلۇق

  • جۇنۇپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇنۇپ بولۇش، ناپاكلىق.

جۇنۇن

  • جۇنۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاشىقلىققا دۇچار بولۇپ ئەقلى-ھوشىنى يوقاتقان، ئەقلىدىن ئازغان؛ مەجنۇن:[مىسال:] ناداننىڭ ئىلكىدە ئەقلىم جۇنۇندۇر، كى نامەرد پەنجىدە جىسمىم ئوتۇندۇر.

جۇنۇنلۇق

  • جۇنۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشىقلىققا دۇچار بولۇپ ئەقلى-ھوشىنى يوقىتىش؛ ئەقلىدىن ئېزىش، مەجنۇنلۇق:[مىسال:] بولۇپ دىل بىر جۇنۇنلۇق مۇپتىلاسى، يېپىشقاندا جېنىمغا ئىشق بالاسى.

جۇۋاⅠ

  • جۇۋاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىدىن تىكىلىدىغان سىرتقى كىيىم:[مىسال:] جۇۋا تىكمەك.

جۇۋىسىنى تەتۈر كىيمەك

  • جۇۋىسىنى تەتۈر كىيمەك[يەشمىسى:] تەتۈرلۈكى تۇتماق، جەھلى قاتماق، ئاچچىقى كەلمەك.

جۇۋاⅡ

  • جۇۋاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاشلىق بازىرى.

جۇۋاز

  • جۇۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مايلىق دان ۋە چىگىت قاتارلىقلاردىن ماي چىقىرىدىغان قۇرۇلما:[مىسال:] جۇۋاز چۆرۈمەك. * جۇۋاز ئات بىلەن ياخشى، تۈگمەن سۇ بىلەن ياخشى (ماقال).

جۇۋازچى

  • جۇۋازچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋاز بىلەن ياغ تارتقۇچى.

جۇۋازچىلىق

  • جۇۋازچىلىق[يەشمىسى:] جۇۋازدا ياغ تارتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] جۇۋازچىلىق قىلماق.

جۇۋازخانا

  • جۇۋازخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جۇۋاز ئورنىتىلغان ئۆي، ئورۇن.

جۇۋالدۇرۇز

  • جۇۋالدۇرۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چوم، مۆلە، بوغا، توقۇم قاتارلىقلارنى تىكىشكە ئىشلىتىدىغان يوغان يىڭنە:[مىسال:] ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز (ماقال).

جۇۋان

  • جۇۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] توي قىلغان، ئۆيلۈك بولۇپ قالغان ياش ئايال، چوكان:[مىسال:] جۇۋان تويى.  چېچەن جۇۋاننى ئوچاق بېشىدا سىنا (ماقال).

جۇۋانلىق

  • جۇۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋان بولغان مەزگىل ۋە بۇ مەزگىلدىكى خۇسۇسىيەت، خاراكتېر.

جۇۋاۋا

  • جۇۋاۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ بىر خىلى. ئۇ پېتىر خېمىردىن كىچىك ئېچىلغان جىلتىگە قىيما سېلىپ تۈگۈلۈپ، قايناق سۇدا پىشۇرۇلىدۇ.

جۇۋاينىمەك

  • جۇۋاينىمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئۆلگۈر» دېگەن مەنىدىكى ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] ئۇ تىترىگەن ئاۋازدا:[مىسال:] قولى قۇرۇپ كەتكۈر جۇۋاينىمەكلەر، خۇدا زاۋالىڭنى بېرەر ئىلاھىم، دەپ قارغاپ زارلىماقتا ئىدى.

جۇۋۇشكا

  • جۇۋۇشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر قاتار تۆگىنىڭ ئالدىدىكىسىنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ئېسىلىدىغان كىچىك قوڭغۇراق.

جۇۋىچى

  • جۇۋىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋا تىكىپ ساتقۇچى.

جۇۋىچىلىق

  • جۇۋىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋا تىكىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جۇۋىچىلىق قىلىدىغانلار يوق.

جۇۋىلىق

  • جۇۋىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جۇۋىسى بار، جۇۋا كىيگەن:[مىسال:] جۇۋىلىق ئادەم.[يەشمىسى:] ② جۇۋا تىكىشكە يېتىدىغان، لايىق، باب:[مىسال:] بىر جۇۋىلىق تېرە بار.

جۇۋىنە

  • جۇۋىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاق، مېۋىسى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان بولۇپ، رەڭگى قارامتۇل سېرىق كېلىدۇ؛ ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ، خوتەن، قەشقەردە تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ.

جۇيازا

  • جۇيازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] ئۆرە ياقىلىق پاختىلىق كالتە چاپان.

جۆنەتمەك

  • جۆنەتمەك[يەشمىسى:] «جۆنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جۆنەشمەك

  • جۆنەشمەك[يەشمىسى:] «جۆنىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جۆنەلمەك

  • جۆنەلمەك[يەشمىسى:] «جۆنىمەك» پېئىلنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تاغىل تورپاق بىردىنلا يانغا جۆنەلدى.

جۆنتىمەك

  • جۆنتىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كاپشىماق، ۋالاقشىماق، ئويلىماي گەپ قىلماق.

جۆندەتمەك

  • جۆندەتمەك[يەشمىسى:] «جۆندىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جۆندەشمەك

  • جۆندەشمەك[يەشمىسى:] «جۆندىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جۆندەك

  • جۆندەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جۇل-جۇل، يىرتىق.

جۆندەلمەك

  • جۆندەلمەك[يەشمىسى:] «جۆندىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جۆندىمەك

  • جۆندىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوڭشىماق، تۈزىمەك، بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلماق:[مىسال:] ھارۋىنى جۆندىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەدىپىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ جايلىماق، بابلىماق:[مىسال:] سەن ئۇ بەش تال ئوق بىلەن تەييار بۇ ئۆلەرمەنلەرنى جۆندەپلا، باتۇر بولماقچىمۇ، دېدى تۆمۈر پولاتقا.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ئالدىماق، گوللىماق، بابلىماق:[مىسال:] − سەن ئۆتكەن قېتىممۇ مېنى جۆندىگەنىدىڭ، بۇ قېتىم يەنە... − دېدى سودىگەر غەزەپلىنىپ.

جۆنىمەك

  • جۆنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يولغا چىقماق، كەتمەك:[مىسال:] ھاجى توختىنىياز زورغا بىر ھومىيىپ، «ئەستەغپۇرۇللا» دېگەن پېتى ئۆز ئۆيى تەرەپكە جۆنىدى.

جۆۋەندە

  • جۆۋەندە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇغداي ئۇنىغا قوناق ئۇنى ياكى باشقا قارا ئاشلىق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] جۆۋەندە نان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشۇنداق ئارىلاشما ئۇندا يېقىلغان نان:[مىسال:] ئاپام بۈگۈن بىر تونۇر جۆۋەندە ياقتى.

جۆيلۈشمەك

  • جۆيلۈشمەك[يەشمىسى:] «جۆيلۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جۆيلۈمەك

  • جۆيلۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇخلاپ يېتىپ قالايمىقان سۆزلىمەك:[مىسال:] ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىپ، قالايمىقان جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يالغان-ياۋىداق، پاكىتسىز گەپ قىلماق، ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلىمەك:[مىسال:] نېمىدەپ جۆيلۈۋاتىسەن، دېدى كامال مۇئەللىم ئالدىدىكى ئادەمگە، بۇ گەپلىرىڭ بىلەن سەن قانۇن ئالدىدا جاۋاب بېرىپ قالمىغىن يەنە.

جۈپ

  • جۈپ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىككىگە قالدۇقسىز بۆلۈنىدىغان، تاق بولمىغان؛ تاقنىڭ ئەكسى (پۈتۈن سانلار ھەققىدە):[مىسال:] جۈپ سانلار. * دەرد كەلسە جۈپ، دۆلەت كەلسە تاق (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر خىلدىكى ئىككى، قوش:[مىسال:] ئىككى غېرىچتەك ئېگىزلىكتە ئۆسكەن گۈل شېخىدا ئېچىلىشقا تەييار تۇرغان بىر جۈپ غۇنچە يانمۇيان ئېسىلىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ماس، جور، دائىم بىرگە بولىدىغان ياكى بىر ئىش ئۈچۈن بىرلەشكەن ئىككى ئادەم، نەرسە ياكى جانىۋار:[مىسال:] بىر جۈپ كۆك كەپتەر.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەپىقە، جورا (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] ھالال جۈپتۈم ۋىرانى تۇل قىلماقچى، شۇنداق ئەمەسمۇ، مەن بۇ ئۇرۇشقا قارشى دېدى خوخۈل گرىگورى ئەزىمەتكە قاراپ غەزەپ بىلەن.

جۈپ سان

  • جۈپ سان[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] 2 گە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان پۈتۈن سانلار. مەسىلەن، 2، 4، 6، 8 قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

جۈپ سۆز

  • جۈپ سۆز[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىككى بۆلەكنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان لېكسىكىلىق بىرلىك. ئۇلار ياسالما سۆزلەرنىڭ بىر تۈرى، جۈملىدە بىر سۆز ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. «ئاتا-ئانا، ئەگرى-بۈگرى» گە ئوخشاشلار.

جۈپتەك

  • جۈپتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنچىكە ۋە كىچىك نەرسىلەرنى قىسىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر خىل قىسقۇچ.

جۈپتەكلىمەك

  • جۈپتەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جۈپتەك بىلەن قىسماق. [يەشمىسى:] ② ئىككى قولىنى جۈپلەشتۈرمەك، جۈپلىمەك:[مىسال:] ئامىنە چۆچۈپ، قوللىرىنى جۈپتەكلەپ، تەبەسسۇم بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

جۈپ-جۈپ

  • جۈپ-جۈپ[يەشمىسى:] بىرقانچە جۈپ:[مىسال:] قار ئۇچقۇنلىرى ئۇنىڭ كۆزىگە جۈپ-جۈپ كېپىنەكلەردەك كۆرۈندى.

جۈپسىز

  • جۈپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈپى يوق، تاق:[مىسال:] بۈۋى ھەجەر جۈپسىز بولسىمۇ، بۇ كۆڭۈللۈك، ئاددىي لېكىن ئالتۇن خەجلەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان مېھماندارچىلىققا قاتنىشىپ قالدى.

جۈپلەتمەك

  • جۈپلەتمەك[يەشمىسى:] «جۈپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جۈپلەشمەك

  • جۈپلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىككى نەرسە بىر-بىرىگە تېگىشمەك؛ جۈپ ھالىتىگە كەلمەك:[مىسال:] جۈپتەكنىڭ قىسقۇچلىرى ئېگىلىپ كەتكەچكە، ياخشى جۈپلەشمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② جۈپى بىلەن بىر يەردە بولماق، قوشۇلماق:[مىسال:] كەپتەر يىلىغا بىر قانچە قېتىم جۈپلىشپ، بىر قانچە قېتىم تۇخۇم تۇغىدۇ ۋە بالا چىقىرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ بىر-بىرىگە تېگىشمەك، قۇچاقلاشماق:[مىسال:] ئۇ دالاندا جۈپلىشىپ قالغان بىر جۈپ گەۋدىنى كۆرۈپ قالدى-دە، توۋلىۋېتىشكە ئاز قالدى.

جۈپلەنمەك

  • جۈپلەنمەك[يەشمىسى:] «جۈپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جۈپلۈك

  • جۈپلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈپى بار، جۈپى بولغان:[مىسال:] ئەي مەلىكە، دېدى ئىنىكئانا تەسەللى بېرىپ، ئەزەلدىن ئاللاتائالا ھەممە نەرسىنى جۈپلۈك قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا رازى بولۇشتىن باشقا ئامال يوق. ئۆزلىرىنى جوۋاتمىسىلا.

جۈپلىمە

  • جۈپلىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈپلەپ قويۇلغان، جۈپلىنىدىغان، جۈپلەنگەن:[مىسال:] جۈپلىمە ياغاچ.

جۈپلىمەك

  • جۈپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككىنى بىر قىلماق، بىر جۈپ-بىر جۈپ قىلماق؛ ئىككىسىنى بىر يەرگە يېقىنلاشتۇرماق:[مىسال:] خىزمەتچى چىقىپ كەتتى، ياقۇپ پۇتلىرىنى جۈپلەپ، تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى.

جۈجەم

  • جۈجەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۈجمە.

جۈدەتمەك

  • جۈدەتمەك[يەشمىسى:] «جۈدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېغىر خىزمەت ئۇنى خېلىلا جۈدىتىۋەتكەنىدى.

جۈدەڭ

  • جۈدەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇق، ياداڭغۇ:[مىسال:] جۈدەڭ ئادەم.

جۈدەڭگۈ

  • جۈدەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈدىگەن، ئورۇقلىغان، جۈدەڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ جۈدەڭگۈ چىرايىدىن چوڭقۇر دەرد-ئەلەم چىقىپ تۇراتتى.

جۈدەڭگۈلۈك

  • جۈدەڭگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۈدىگەن ھالەت، ئورۇقلۇق، جۈدەڭلىك.

جۈدەڭلىك

  • جۈدەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياداڭغۇلۇق، ئورۇقلۇق، جۈدەڭگۈلۈك.

جۈدىمەك

  • جۈدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورۇقلىماق، يادىماق:[مىسال:] قادىر خېلىلا جۈدەپ، كۆزلىرىنىڭ تېگىدە كۆكۈچ ئىزلار پەيدا بولغانىدى.

جۈرئەت

  • جۈرئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خەۋپ-خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي قىلىنغان غەيرەت، جاسارەت:[مىسال:] جۈرئەت قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

جۈرئەتسىز

  • جۈرئەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈرئىتى يوق، خەۋپ-خەتەردىن، قىيىنچىلىقلاردىن قورقىدىغان، بىرەر ئىشنى قىلىشقا پېتىنالمايدىغان، جاسارەتسىز، ئىرادىسى بوش:[مىسال:] جۈرئەتسىز ئادەم.

جۈرئەتسىزلەنمەك

  • جۈرئەتسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جۈرئىتىنى يوقاتماق، ئىرادىسى بوشاپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ جۈرئەتسىزلىنىپ، پەرىزاتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ قويغىنىغا، رەت قىلىشتا چىڭ تۇرالمىغىنىغا ئۆكۈنەتتى.

جۈرئەتسىزلىك

  • جۈرئەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۈرئىتى يوقلۇق، غەيرەتسىزلىك:[مىسال:] جۈرئەتسىزلىك قىلماق.

جۈرئەتلەنمەك

  • جۈرئەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جۈرئەت قىلماق، پېتىنماق:[مىسال:] ئۇ بىردىنلا جۈرئەتلىنىپ، روشەننىڭ نازۇك قوللىرىنى ئۆزىنىڭ يوغان ئالىقىنىغا ئېلىپ قىستى.

جۈرئەتلىك

  • جۈرئەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈرئىتى بار، جۈرئەت قىلالايدىغان، پېتىنالايدىغان؛ جەسۇر، غەيرەتلىك:[مىسال:] جۈرئەتلىك قىز.

جۈزنەك

  • جۈزنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاق ياكى سۆسۈن ئارىلاش بولۇپ، خۇشبۇي پۇرايدۇ، غولىدىن ئارۇماتىك مايلارنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنى يەنە دورىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.

جۈزئىي

  • جۈزئىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇنچە چوڭ، مۇھىم، جىددىي بولمىغان؛ ئەرزىمىگەن، ئەھمىيەتسىز:[مىسال:] خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى جانلاندۇرۇلمىسا، جۈزئىي تارماقلارنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم قاتتىق چەكلىنىپ قالىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>لوگ<[يەشمىسى:] قىسمەن:[مىسال:] جۈزئىي ھۆكۈم.

جۈزئىيلىك

  • جۈزئىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىپ تۇرغۇچى مەلۇم بۆلەك، مەلۇم جەھەت ۋە شەيئىلەر تەرەققىياتىدىكى مەلۇم باسقۇچ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. [يەشمىسى:] ② قىسمەنلىك.

جۈسەي

  • جۈسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «كۈدە»گە قاراڭ.

جۈسۈن

  • جۈسۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەقى-تۇرقى، قىياپەت، شەكىل:[مىسال:] بۇ قىزنىڭ چىرايىدىن ئۆزىنىڭ جۈسۈنىگە ماس كەلمەيدىغان سولغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.

جۈسۈنلەتمەك

  • جۈسۈنلەتمەك[يەشمىسى:] «جۈسۈنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جۈسۈنلۈك

  • جۈسۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەقى-تۇرقلۇق، بەستلىك.

جۈسۈنلىمەك

  • جۈسۈنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ تۇرقىنى، شەكلىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ غۇۋا چىراغ يورۇقىدا ئېڭىكىنى تىرەپ، بىر نۇقتىغا كۆز تىكىپ ئولتۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشنى جۈسۈنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۇرەتتى.

جۈلگۈمەك

  • جۈلگۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مىلتىقنىڭ ئىچىدىكى كىرنى تازىلىماق.

جۈمە

  • جۈمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دۈشەنبىدىن ھېسابلىغاندا ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈننىڭ نامى؛ ئازنا.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] جۈمە كۈنى پېشىن ۋاقتىدا، جامەدە جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان ناماز:[مىسال:] جۈمەدىن يانغان جامائەت ئۆيلىرىگە قايتىشتى.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

جۈمەك

  • جۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تۈرلۈك ئەسۋابلار ياكى سۇ تۇرۇبىلىرىنىڭ سۇ چۈشۈرىدىغان ئېغىزى.

جۈمەكلىك

  • جۈمەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈمىكى بار، جۈمەك ئورنىتىلغان.

جۈمەلەتمەك

  • جۈمەلەتمەك[يەشمىسى:] «جۈمەلىمەك» پېئىلىنڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ۋەزىر گومۇش شاھزادىنى قېيناتىسىنىڭ ئۆيىگە جۈمەلىتىپ ئاپىرىپتۇ.

جۈمەلىمەك

  • جۈمەلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ئازنىلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] نېمىشقا جۈمەلەپ بارمايسىز، بىزنىغۇ دېمەڭ، ئۆز ئانىڭىزنىڭ قەدىم جايىنىمۇ سېغىنمىدىڭىزمۇ دەپتۇ ھەجەرگە ئۆگەي ئانا مۇغەمبەرلىك بىلەن قاراپ.

جۈملە

  • جۈملە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىگۈچى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى:[مىسال:] سوراق جۈملە. ئۈندەش جۈملە.[يەشمىسى:] ② بىر تۈردىكى مەلۇم جەھەتتىن بىر خىل بولغان نەرسە، ھادىسە ياكى كىشىلەر يىغىندىسى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمى:[مىسال:] تىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ.

جۈملىدىن

  • جۈملىدىن[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] سۆز بىرىكمىلىرى ۋە جۈملىلەر ئوتتۇرىسىدا كېلىپ «شۇنىڭدەك»، «شۇنىڭ بىلەن بىرگە» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] گۈزەردىكى دۇكانلاردىن ئۈچ-تۆتىلا ئوچۇق، جۈملىدىن ھەسەن ئەلىمۇ يېرىم ئوچۇق دۇكىنى ئالدىدا ئولتۇراتتى.

جۈملىمۇجۈملە

  • جۈملىمۇجۈملە[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ رەت تەرتىپى بىلەن؛ بىر جۈملىدىن كېيىن يەنە بىر جۈملە:[مىسال:] پادىشاھ پۈتۈكچىسىنى چاقىرىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلار خاتىرىسىگە دانىشمەننىڭ سۆزلىرىنى جۈملىمۇجۈملە يازدۇرۇپتۇ.

جۈن

  • جۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيىنىڭ شتات بىرلىكى. ئۇنىڭغا بىرقانچە دېۋىزىيە قارايدۇ.

جۈنتۇەن

  • جۈنتۇەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئېلىمىزنىڭ قىزىل ئارمىيە مەزگىلىدىكى جىتۇەنجۈنگە تەڭ بولغان شتات بىرلىكى. بەزى دۆلەتلەردىكى جۈنتۇەن ئېلىمىزنىڭ جۈنى (كورپۇس) بىلەن تەڭ.

جۈنجاڭ

  • جۈنجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بىرەرجۈنگە قوماندانلىق قىلغۇچى ھەربىي ئەمەلدار، كورپۇس كوماندىرى.

جۈنجاڭلىق

  • جۈنجاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇڭجاڭ ئۆتەيدىغان ۋەزىپە، ئىش.

جۈنۋېي

  • جۈنۋېي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بەزى دۆلەتلەردىكى ھەربىي ئۇنۋان. دەرىجىسى شاۋۋېيدىن تۆۋەن، شاڭشىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

جې

  • جې[يەشمىسى:] «ج» ھەرپىنىڭ نامى.

جېدەل

  • جېدەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] غەلۋە، جاڭجال، ماجىرا، ئۇرۇش-تالاش:[مىسال:] كۈندەشلىك ئۆيدە كۈندە جېدەل (ماقال).

جېدەلچى

  • جېدەلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جېدەل چىقارغۇچى، جېدەل پەيدا قىلغۇچى، جېدەلخور ئادەم.

جېدەلخور

  • جېدەلخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دائىم جېدەل چىقىرىشنى ياخشى كۆرىدىغان؛ جېدەلگە ئامراق، ئۇرۇشقاق، سوقۇشقاق:[مىسال:] جېدەلخور بالا.

جېدەلخورلۇق

  • جېدەلخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم جېدەل چىقىرىش ۋە شۇنداق ئادەت:[مىسال:] جېدەلخورلۇق ياخشى ئادەت ئەمەس.

جېدەلكەش

  • جېدەلكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جېدەل چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن، جېدەلخور.

جېدەلكەشلىك

  • جېدەلكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەمىشە جېدەل قىلىش ۋە مۇشۇنداق ئادەت.

جېدەللەتمەك

  • جېدەللەتمەك[يەشمىسى:] «جېدەللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆمەر باي:[مىسال:] ۋاق ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ. خاماننى جېدەللىتىش كېرەك، دەپ تاپىلىدى نۇرۇمغا.

جېدەللەشتۈرمەك

  • جېدەللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «جېدەللەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جېدەللەشمەك

  • جېدەللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جېدەل پەيدا قىلماق، ئۇرۇش-تالاش قىلماق، ماجىرالاشماق، غوۋغا چىقارماق:[مىسال:] بىر كۈنى ئەپەندىمنىڭ قوشنىسى خوتۇنى بىلەن جېدەللىشىپ قېلىپ، ئاچچىقىدا ئەپەندىمگە دادلاپتۇ.

جېدەللىمەك

  • جېدەللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېزلىكىنى، سۈرئىتىنى ئاشۇرماق؛ تېزلەتمەك، ئالدىرىماق:[مىسال:] ئۇلار بارا-بارا يېقىنلىشىپ، جېدەللەپ ئات چاپتۇرماقتا ئىدى.

جېدەل-ماجىرا

  • جېدەل-ماجىرا[يەشمىسى:] جېدەل ۋە ماجىرا:[مىسال:] جېدەل-ماجىرا قىلماق.

جېسەك

  • جېسەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز[يەشمىسى:] چارلاش، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش:[مىسال:] سېپىل سىرتىدا جېسەكتە تۇرغان چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرۇپ-تۇرۇپ يۆتىلىشلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.

جېسەكچى

  • جېسەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېچىدە چارلاش ئېلىپ بارىدىغان، قاراۋۇللۇقتا تۇرىدىغان، تەكشۈرىدىغان ئادەم.

جېسەكچىلىك

  • جېسەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارلاش، كۆزەتچىلىك قىلىش ئىشى:[مىسال:] جېسەكچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، تۈنلەرنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزىدىغان گەپ.

جېكىلەتمەك

  • جېكىلەتمەك[يەشمىسى:] «جېكىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جېكىلەشمەك

  • جېكىلەشمەك[يەشمىسى:] «جېكىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جېكىلەنمەك

  • جېكىلەنمەك[يەشمىسى:] «جېكىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ خەتتە راشىدىنجانغا تۇرمۇش جەھەتتىن ياخشى غەمخورلۇق قىلىش ئالاھىدە جېكىلەنگەنىدى.

جېكىلىمەك

  • جېكىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاپىلىماق، تاپشۇرماق، تەكىتلىمەك:[مىسال:] ئانا تىلىۋالدىغا ئۆگزىگە چىقماسلىقنى يەنە بىر قېتىم جېكىلەپ قويۇپ ئولتۇردى.

جېمە

  • جېمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاپا-تەنە، غەيۋەت-شىكايەت؛ سۆز-چۆچەك.

جېنەستە

  • جېنەستە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئاقۇچ چېچەكلەيدۇ، مېۋىلەر ئىچىدە ئۈجمىگە ئوخشاش ئەڭ بالدۇر پىشىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى. [يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

جېنەستىلىك

  • جېنەستىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس جېنەستە تىكىلگەن يەر، جېنەستە دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن باغ.

جېنتىيانا

  • جېنتىيانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جېنتىيانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزىنى دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈش رولى بار.

جېندەن

  • جېندەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قەدىمكى ھىندىستانلىقلارنىڭ جۇڭگونى ئاتىشى. بۇ سۆز سانسكرتچە Cinsthana نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى:[مىسال:] جېندەن دەۋرى، جېندەن سىستېمىسى.

جېندى

  • جېندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي قىسىملار ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىگىلىگەن جاي. بۇ جايلارغا ئادەتتە ئىستىھكاملار قۇرۇلىدۇ.

جى

  • جى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋەسىقە، ھۆججەت، تىلخەت.

جىبۇتى

  • جىبۇتى[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى ئافرىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، يەر مەيدانى 23 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، فرانسۇز، ئەرەب تىللىرى ھۆكۈمەت تىلى، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

جىپ

  • جىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئۆزى يېنىك، ئەمما ناھايىتى پۇختا ئىشلەنگەن ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى بىر خىل ئاپتوموبىل. ئۇ ئېگىز-پەس، ئوي-دوڭغۇل يوللاردا مېڭىشقىمۇ مۇۋاپىقلاشقان.

جىپسا

  • جىپسا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئارىلىقىدا بوشلۇق قالمىغان، زىچ، دەل، ھىم:[مىسال:] جىپسا كەلمەك.

جىپسىلاتماق

  • جىپسىلاتماق[يەشمىسى:] «جىپسىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىپسىلاشتۇرماق

  • جىپسىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «جىپسىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ مەرمەر تاشنى يەنە ئاۋۋالقىدەك جىپسىلاشتۇرۇپ ئۆز جايىغا قويۇپ قويدى.

جىپسىلاشتۇرۇشماق

  • جىپسىلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «جىپسىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىپسىلاشتۇرۇلماق

  • جىپسىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «جىپسىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جىپسىلاشماق

  • جىپسىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىپسا ھالىتىگە كەلمەك، ھىملاشماق، مۇستەھكەم بىرلەشمەك؛ بىر گەۋدىگە ئايلانماق:[مىسال:] بۇ ئىككى تاختاينىڭ تۇتاشقان جايى ياخشى جىپسىلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ماسلاشماق.

جىپسىلانماق

  • جىپسىلانماق[يەشمىسى:] «جىپسىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جىپسىلىق

  • جىپسىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىچ، ھىم بولۇش، ھىملىق.

جىپسىلىماق

  • جىپسىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارىلىقىدا بوشلۇق قالدۇرماي جۈپلىمەك؛ ھىملىماق:[مىسال:] بىز تاختايلارنى جىپسىلاپ يەملەشكە باشلىدۇق، ئۇستام رەندىلەشكە تۇتۇندى.

جىتۇەنجۈن

  • جىتۇەنجۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيە ئىچىدىكى بىر گۇرۇپپا. ئۇنىڭغا بىرقانچە جۈن ياكى شى قارايدۇ.

جىجىق

  • جىجىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] جىجىلىشتىن ھاسىل بولغان ئىز، سىزىق.

جىجىماق

  • جىجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] تىغ، شوخا، ياغاچ قاتارلىقلار بىلەن بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىدە جىجىق ھاسىل قىلماق ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىنى تىلماق:[مىسال:] كەپسىز بالىلار مىخ بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ سىرىنى جىجىدى.

جىددىي

  • جىددىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پۇختا ئويلاپ، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان؛ كەسكىن، قەتئىي:[مىسال:] جىددىي ئادەم.[يەشمىسى:] ② ئەھمىيىتى چوڭ، تېز بىر تەرەپ قىلىش لازىم بولغان؛ مۇھىم، زۆرۈر:[مىسال:] جىددىي مەسىلە.[يەشمىسى:] ③ قىلچە ساختا بولمىغان؛ چىن، راست، ھەقىقىي:[مىسال:] ھەربىر ئادەم ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا ئاكتىپ، جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم.[يەشمىسى:] ④ يامان ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان؛ جاپالىق، تەس، قىيىن:[مىسال:] جىددىي كېسەللىك. جىددىي ئەھۋال.[يەشمىسى:] ⑤ ئالدىراش، تېز، مۇھىم:[مىسال:] جىددىي ۋاقىت. جىددىي پەيت.[يەشمىسى:] ⑥ ناھايىتى قاتتىق، ئىنتايىن كۈچلۈك:[مىسال:] جىددىي تەلەپ. جىددىي ئارزۇ.

جىددىيلەشتۈرمەك

  • جىددىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «جىددىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يۈسۈپ چويۇننىڭ بۇ گېپى ئەخمەتجاننى جىددىيلەشتۈردى.

جىددىيلەشتۈرۈشمەك

  • جىددىيلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «جىددىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىددىيلەشتۈرۈلمەك

  • جىددىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «جىددىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جىددىيلەشمەك

  • جىددىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىددىي ھالەتكە كەلمەك، كەسكىن تۈس ئالماق؛ كەسكىنلەشمەك:[مىسال:] مۇساجاننىڭ ئېيتىشىچە، مۇزات تەرەپتە ئەھۋال كۆرۈنەرلىك جىددىيلىشىپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② جىددىي كۆرۈنۈش ئالماق، جىددىي تۈسكە كىرمەك:[مىسال:] قىز گاھىدا جىددىيلىشىپ كېتەتتى، گاھىدا قىزغىن پاراڭ ئارىسىدا بېشىنى ئارقىسىغا تاشلاپ كۈلەتتى.

جىددىيلىك

  • جىددىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىددىي ھالەت ياكى ئەھۋال:[مىسال:] ئۇنىڭ چىرايىدىن باشقا كۈنلەردىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل جىددىيلىك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

جىر

  • جىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناخشا، غەزەل، كۈي:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ياڭراق ئاۋازدا ئېيتقان جىرلىرى تاغ باغرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى.

جىرا

  • جىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ جىلغىلىرىدىكى يامغۇر سۇلىرىنىڭ ئېقىشىدىن ھاسىل بولغان تەبىئىي ئېرىق.

جىرتاق

  • جىرتاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەر خىل زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كۆز قاپىقىنىڭ نورماللىقى بۇزۇلغان؛ قىڭغىر، قىيسىق:[مىسال:] جىرتاق كۆز ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئاشۇنداق ئەيىبكە ئىگە بولغان كىشى:[مىسال:] ھېسامىدىننىڭ چاڭ-توزاندىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزىنىڭ يېشىنى ئېقىتىپ يېنىدا تۇرغان روزى جىرتاققا كۆزى چۈشتى.

جىرچى

  • جىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىر ئېيتقۇچى، ناخشا-قوشاقچى.

جىرغا

  • جىرغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلاغ كۈچى ئارقىلىق ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن، ئارغامچا ياكى پالاس قاتارلىقلارنى پاراللېل ئىككى تال ئۇزۇن ياغاچقا ئورنىتىپ ياسالغان ناسىلكا:[مىسال:] جىرغىغا سالماق. جىرغىدا توشۇماق.

جىرغاتماق

  • جىرغاتماق[يەشمىسى:] «جىرغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىرغاشماق

  • جىرغاشماق[يەشمىسى:] «جىرغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىرغىلاق

  • جىرغىلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بالىلار ئوينايدىغان تۆمۈر چەمبىرەك.

جىرغىلاڭ

  • جىرغىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساي:[مىسال:] ئۇ ياق-بۇ ياققا چاپقان بالىلارنىڭ كۈلكىسىدىن، باياتىن بېرى پۈتۈن جىرغىلاڭدا ھۆكۈم سۈرگەن جىمجىتلىق بىردىنلا بۇزۇلۇپ، تاغ-تاشلار جانلىنىپ كەتتى.

جىرغىماق

  • جىرغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېتىلىپ چىقماق، تەپچىمەك:[مىسال:] مۇھەممەدنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئاراچلىرىدىن جىرغىپ چىققان قان كەتمەننىڭ سېپىنى قىپقىزىل بويىدى.

جىرمە

  • جىرمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. بۇ خىل چاتقاللار ئادەتتە كۆكەرتىش ۋە تۇپراقنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تىكىلىدۇ.

جىرىس

  • جىرىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چالا تاسقالغان بۇغداي ئۇنى.

جىرىڭ

  • جىرىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قوڭغۇراق قاتارلىق مېتال ۋە نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇلۇشى ۋە سىلكىنىشىدىن چىقىدىغان ئىنچىكە، زىل ئاۋاز.

جىرىڭ-جىرىڭ

  • جىرىڭ-جىرىڭ[يەشمىسى:] «جىرىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جىرىڭڭىدە

  • جىرىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جىرىڭ» قىلغان ھالدا، «جىرىڭ» قىلىپ:[مىسال:] تېلېفون جىرىڭڭىدە قىلدى.

جىرىڭلاتماق

  • جىرىڭلاتماق[يەشمىسى:] «جىرىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئابدۇراخمان ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقىنى جىرىڭلىتىپ يۈرۈپ كەتتى.

جىرىڭلاشماق

  • جىرىڭلاشماق[يەشمىسى:] «جىرىڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كىمدۇر پىنھاندا تۇرار پىچىرلىشىپ، زۇلپى زۇننارى تېخى جىرىڭلىشىپ.

جىرىڭلىماق

  • جىرىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جىرىڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جىرىڭ-جىرىڭ» قىلماق:[مىسال:] تېلېفون جىرىڭلىدى.

جىرىمⅠ

  • جىرىمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] كۆچۈرۈپ تىكىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دەرەخ شېخى ياكى نوتىسى، كۆچەت:[مىسال:] جىرىم تىكمەك.

جىرىمⅡ

  • جىرىمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جوتۇ، ئوتىغۇچ ۋە شۇ قاتارلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرى بىلەن ئېتىزنى جىراپ چىقارغان كىچىك ئېرىقچە، چۆنەك:[مىسال:] جىرىم تارتماق. جىرىم تارتىپ تېرىماق.

جىرىملىق

  • جىرىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىرىم تىكىلگەن يەر:[مىسال:] ئۇلار پاراڭلاشقاچ جىرىملىققا يېتىپ كېلىشتى.

جىز

  • جىز[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① دەز كەتكەن قازان قاتارلىق نەرسىلەرگە بىر نەرسە تەگكەندە چىققان ئاۋاز ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.[يەشمىسى:] ② بەدەننىڭ مەلۇم بىر جايى قاتتىق ئۇيۇشۇپ ئاغرىغاندا ھاسىل بولغان بىر خىل ئاغرىق سېزىمى.

جىزا

  • جىزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] پىلتا قىلىنغان خېمىر:[مىسال:] راھىلە قالغان ئىككى جىزىنى ئوغلىغا سېلىپ بەردى.

جىز-جىز

  • جىز-جىز[يەشمىسى:] «جىز» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جىززىدە

  • جىززىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جىز» قىلغان ھالدا، «جىز» قىلىپ.

جىزىلداتماق

  • جىزىلداتماق[يەشمىسى:] «جىزىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىزىلداشماق

  • جىزىلداشماق[يەشمىسى:] «جىزىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىزىلدىماق

  • جىزىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «جىز-جىز» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جىز-جىز» قىلماق:[مىسال:] تومۇزغىلارنىڭ جىزىلداشلىرى بەزىدە بىزنىڭ قىزىق پاراڭلىرىمىزنىمۇ بېسىپ كېتەتتى.[يەشمىسى:] ② بەدەننىڭ مەلۇم جايىدا «جىز» قىلغاندەك سېزىم پەيدا بولماق ياكى شۇ خىل تۇيغۇ بېرىپ ئاغرىماق؛ زىڭىلدىماق:[مىسال:] بىركىم تىرنىقىمنىڭ ئارىسىغا يىڭنە سانجىغاندەك، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم جىزىلداپ كەتتى.

جىس

  • جىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خىلۋەت، قورقۇنچلۇق؛ سوغۇق چىراي، يىرگىنىشلىك.

جىسا

  • جىسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە بىرەر رايون ياكى يېزىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشقا مەسئۇل يەرلىك ئەمەلدار.

جىسالىق

  • جىسالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىساغا يۈكلەنگەن ئىش، ۋەزىپە:[مىسال:] جىسالىق قىلماق.

جىسمانىي

  • جىسمانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ جىسمى، ۋۇجۇدى ۋە ئورگانىزمىغا ئائىت، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە باغلىق بولغان:[مىسال:] جىسمانىي ئەمگەك.

جىسمانىيەت

  • جىسمانىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جىسمانىي جەھەتتىكى قابىلىيەت، جىسمانىي كۈچ، جىسمانىي ئىقتىدار.

جىسىم

  • جىسىم [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم بوشلۇقنى ئىگىلەپ، ئىشغال قىلىپ تۇرغان، ماددا:[مىسال:] سانسىز يۇلتۇزلاردىن تەركىب تاپقان ئاسمان جىسىملىرىمۇ مۇئەييەن قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② تەن، ۋۇجۇد، بەدەن:[مىسال:] ئىسمى بار، جىسمى يوق (ماقال).

جىغ

  • جىغ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چۆچۈش ۋە قورقۇشتىن ھاسىل بولغان يۈرەكنىڭ بىر خىل سىلكىنىش ھالىتى:[مىسال:] يۈرىكى «جىغ» قىلماق.

جىغا

  • جىغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۈستىگە پۆپۈكچە ياكى چېچەك ئورنىتىلغان باش كىيىمى.

جىغان

  • جىغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى دەرەخ.گۈلى ئازراق سېرىق بولىدۇ؛ مېۋىسى سوقىچاق، كىچىك ۋە سۇلۇق بولۇپ تەمى چۈچۈمەل كېلىدۇ.

جىغانلىق

  • جىغانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىغان ئۆسكەن، جىغان بىلەن ئورالغان يەر.

جىغ-جىغ

  • جىغ-جىغ[يەشمىسى:] «جىغ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

جىغغىدە

  • جىغغىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جىغ» قىلغان ھالدا، «جىغ» قىلىپ.

جىغىلداتماق

  • جىغىلداتماق[يەشمىسى:] «جىغىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قىزنىڭ بۇ قارىشى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يېقىملىق تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، يۈرىكىنى جىغىلدىتىۋەتتى.

جىغىلداشماق

  • جىغىلداشماق[يەشمىسى:] «جىغىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىغىلدىماق

  • جىغىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جىغ-جىغ» قىلغان سېزىم پەيدا قىلماق، «جىغ-جىغ» قىلماق:[مىسال:] ھويلا ئىشىكى غىچىرلىدى. گۈلئايشەمنىڭ يۈرىكى جىغىلدىدى.

جىق

  • جىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سان ياكى مىقدار جەھەتتىن كۆپ، نۇرغۇن، تولا:[مىسال:] جىق ئادەم. جىق كىتاب. ∥ جىقنى دەپ ئازدىن قۇرۇق قاپتۇ (ماقال).

جىقايتماق

  • جىقايتماق[يەشمىسى:] «جىقايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گەپنى جىقايتماق. ساننى جىقايتماق.

جىقايماق

  • جىقايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جىق بولماق، كۆپەيمەك، جىقلىماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئىشلىرى كۈندىن-كۈنگە جىقايماقتا ئىدى.

جىققىدە

  • جىققىدە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېلى جىق، خېلى كۆپ.

جىقلاتماق

  • جىقلاتماق[يەشمىسى:] «جىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گەپنى جىقلاتماق. ئىشنى جىقلاتماق.

جىقلانماق

  • جىقلانماق[يەشمىسى:] «جىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جىقلىق

  • جىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپلۈك، ئارتۇقلۇق:[مىسال:] كۈنىگە بەش ۋاخ ناماز، ئادەتتىكى شارائىتلاردا جىقلىق قىلمايدۇ.

جىقلىماق

  • جىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سان ياكى مىقدار جەھەتتىن كۆپەيمەك، ئاۋۇماق:[مىسال:] ئادەم بەك جىقلاپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② تولۇقلىماق، تولدۇرماق:[مىسال:] پىيالىگە چاي جىقلىماق.

جىك

  • جىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كېسەلدىن كېيىنكى بەدەن ئاجىزلىقى، زەئىپلىك.

جىگەر

  • جىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئورگانلىرىنىڭ بىرى. ئادەمنىڭ جىگىرى قورساق بوشلۇقىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولۇپ ئىككى قاناتلىق بولىدۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىش، ھايۋان كراخمالىنى زاپاس ساقلاش، ئاقسىل ماددىسىنى تەڭشەش، ماي ۋە كاربون بىرىكمىلىرىنىڭ مىتابولىزمىنى تەڭشەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت:[يەشمىسى:] جىگەر راكى. جىگەر رەڭ. جىگەر كاۋىپى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەيرەت، جۈرئەت:[مىسال:] يىگىتلىك جىگىرىڭ بىلەن ئادەملەر ئۈچۈن بىر ئىشلىۋەت، بۇ يەردىن تېزرەك چىقىپ كېتەيلى، دېدى ئىشچى سۈپەت كىشى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۆيۈملۈك، ئەزىز (كۆپىنچەⅠشەخس بىرلىك سان قوشۇمچىسى بىلەن كېلىدۇ):[مىسال:] جىگىرىم، قارا سېنى، چوڭ بولۇپ كېتىپسەن، تونۇماي قاپتىمەن.

جىگەر-باغرى

  • جىگەر-باغرى[يەشمىسى:] ئەڭ يېقىنى؛ سۆيۈملۈكى؛ پەرزەنتى.

جىگەرپارە

  • جىگەرپارە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر تۇغقان قېرىنداش؛ پەرزەنت، بالا:[مىسال:] بالام، سەن يالغۇز ئوغلۇم، جىگەرپارەمسەن ئۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز قىلما

جىگەرسىز

  • جىگەرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىگىرى يوق، جۈرئەتسىز، ئىرادىسىز، يۈرەكسىز، قورقۇنچاق:[مىسال:] ۋىسال كۈلۈپ يىراقلاردا ئوي-پىكىرىدىن كەچكەندە، جىگەرسىزلەر شۇ ۋىسالدىن قوللار يۇيۇپ بەزگەندە.

جىگەرسىزلىك

  • جىگەرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىرادىسىزلىك، جۈرئەتسىزلىك، قورقۇنچاقلىق.

جىگەرلىك

  • جىگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىگىرى بار، جۈرئەتلىك، قورقماس، غەيرەتلىك:[مىسال:] جىگەرلىك ئادەم. جىگەرلىك قىز.

جىگدە

  • جىگدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئۈچكىلىك مېۋىسى سوقىچاق بولۇپ، رەڭگى قىزىل ياكى سېرىق كېلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

جىگدە پۇراپ قالماق

  • جىگدە پۇراپ قالماق[يەشمىسى:] بالاغەتكە يېتىپ مۇھەببەت ھېسسىياتى، جىنسىي تەلىپى ئويغانماق:[مىسال:] قىزىڭ جىگدە پۇراپ قالدىمۇ نېمە بىزنىڭ مەھەللىنى ئايلىنىدىغان بولۇپ قالدىغۇ دېدى نىياز ئاكا.

جىگدىچۈك

  • جىگدىچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىسماقنىڭ دان بېكىتىلگەن ئىلمىكى، دانچۇق.

جىگدىچى

  • جىگدىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنى كىچىك، تۈكلىرى قارا بولۇپ، بېشىدا تاجىسى بولىدۇ؛ ھاشاراتلار ۋە ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ؛ ئىنسانلارنىڭ بەزى ئاۋازلىرىنى دورىيالايدۇ.

جىگدىلىك

  • جىگدىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىگدە دەرىخى بار، جىگدە دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] جىگدىلىك باغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىگدە دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن يەر، مەيدان، باغ:[مىسال:] تەكلىماكان چۆلىنىڭ بويىدىكى جىگدىلىك يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

جىگىردەك

  • جىگىردەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] قوي، كالا مايلىرىنىڭ قازاندا كۆيدۈرۈلۈپ، ماي قىسمى ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىنكى قالدۇق قىسمى.

جىڭⅠ

  • جىڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① راست، يالغىنى يوق، ئىشەنچ لىك:[مىسال:] جىڭ گەپ. جىڭ ئادەم.[يەشمىسى:] ② باشقا نەرسە ئارىلاشمىغان، ساپ:[مىسال:] جىڭ ئالتۇن.

جىڭ

  • جىڭ[يەشمىسى:] ① Ⅱمىق. ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. مىقدارى ئادەتتە ئون سەر ياكى يېرىم كىلوگرامغا تەڭ بولىدۇ، كونا جىڭ ئون ئالتە سەرگە تەڭ ئىدى:[مىسال:] بىر جىڭ گۆش. بىر جىڭ ئۇن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىڭنى بىرلىك قىلغان ئۆلچىگۈچ، تارازا:[مىسال:] جىڭغا سالماق. جىڭدا تارتماق.

جىڭپو

  • جىڭپو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ياكى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە جايلاشقان.

جىڭجۈي

  • جىڭجۈي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بېيجىڭ ئوپېراسى:[مىسال:] جىڭجۈي تىياتىرى.

جىڭچى

  • جىڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جىڭ ياسايدىغان ئادەم. [يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ مېلىنى جىڭلايدىغان ياكى جىڭ تۇتىدىغان كىشى.

جىڭزۇ

  • جىڭزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ياكى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئېلىمىزدە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا ۋە چەت ئەلدە ۋيېتنامدا ئولتۇراقلاشقان.

جىڭغاتماق

  • جىڭغاتماق[يەشمىسى:] «جىڭغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىڭغاشماق

  • جىڭغاشماق[يەشمىسى:] «جىڭغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىڭغىماق

  • جىڭغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچەپ، ئىنجىقلاپ تۇرۇپ چىقارماق (سۈيدۈكنى):[مىسال:] بالا جىڭغاپ سىيدى.[يەشمىسى:] ② ئىنجىقلاپ تۇرۇپ چىچماق (قۇشلار ھەققىدە):[مىسال:] قورقۇپ ئەرۋاھى ئۇچۇپ كەتكەن ئوغرى دەرەخ ئۈستىدە ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي، قورقۇنچلۇقتا تۈلكىگە قارىتىپ جىڭغىۋېتىپتۇ.

جىڭگۇك

  • جىڭگۇك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. سەلب[يەشمىسى:] «ئورۇق»، «ئاۋاق» دېگەن مەنىدىكى سۆز:[مىسال:] جىڭگۇك خوتۇن.

جىڭگىر

  • جىڭگىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] دۇتار چېلىنغاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] قولۇم چالسا راۋاب، كۈيلەر مۇقامىڭنى كەتسۇن جاھان ياڭراپ، جىڭگىر دۇتار قالسۇن.

جىڭگىل

  • جىڭگىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۈدۈر، بۇجۇغۇر:[مىسال:] جىڭگىل چاچ.

جىڭگىلەك

  • جىڭگىلەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاچنىڭ بۈدۈر، بۇجۇغۇر جايى:[مىسال:] چاچنىڭ جىڭگىلىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىڭگىل:[مىسال:] جىڭگىلەك چاچ.

جىڭگىلىماچ

  • جىڭگىلىماچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالايمىقان، تەرتىپسىز، ئارىلىشىپ كەتكەن؛ چىگىش:[مىسال:] جىڭگىلىماچ چاچ.

جىڭلاتماق

  • جىڭلاتماق[يەشمىسى:] «جىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەممىدىن كېيىن يېتىپ كەلگەن بىر جەڭچى قوغۇننى جىڭلىتىپ، پۇلىنى تۆلىدى.

جىڭلاشماق

  • جىڭلاشماق[يەشمىسى:] «جىڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۇننى جىڭلىشىپ بولۇپ، ئىشتىن چۈشۈشتى.

جىڭلانماق

  • جىڭلانماق[يەشمىسى:] «جىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چۈشتىن بۇرۇن تاۋۇزلارنىڭ ھەممىسى جىڭلىنىپ، ئاپتوموبىللارغا بېسىلدى.

جىڭلىقⅠ

  • جىڭلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] راستلىق، توغرىلىق، ھەقىقىيلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ گېپىنىڭ يالغان ئەمەس جىڭلىقى سۆزىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتىغۇ

جىڭلىقⅡ

  • جىڭلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىڭ ئېغىرلىقىدىكى؛ جىڭ كېلىدىغان:[مىسال:] بەش جىڭلىق كەتمەن.

جىڭلىماق

  • جىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى جىڭغا سېلىپ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەك؛ تارتماق:[مىسال:] بوۋاي ئۈچ تال ئالمىنى جىڭلاپ، ئەركىننىڭ شەپكىسىگە تۆكۈپ بەردى.

جىڭموما

  • جىڭموما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قاسقانغا سېلىپ، ھورداپ پىشۇرۇلغان نان؛ ھورنان.

جىلەⅠ

  • جىلەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش تۈپەيلىدىن كۆڭلىدە پەيدا بولغان تىتىلداش، تېرىكىش، خاپىلىق:[مىسال:] جىلە بولماق. جىلە قىلماق.

جىلەⅡ

  • جىلەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارنى باغلاش ئۈچۈن ئىككى تال قوزۇققا تارتىلغان تانا:[مىسال:] قوينى جىلىگە باغلىماق.

جىلتا

  • جىلتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىچىگە دەپتەر-قەلەم سالىدىغان بالىلار سومكىسى، بوغچا.[يەشمىسى:] ② مانتا، سامسا، پەرمۇدە قاتارلىقلارنى تەييارلاشتا، ئىچىگە قىيما ئېلىنىدىغان نېپىز ئېچىلغان خېمىر:[مىسال:] جىلتا ئاچماق.

جىلد

  • جىلد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرنەچچە كىتابتىن ئىبارەت ئەسەر، مۇقاۋىلانغان ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر ئايرىم كىتابى، توم.[يەشمىسى:] ② مۇقاۋا، قاپ، تاش.

جىلدلانماق

  • جىلدلانماق[يەشمىسى:] «جىلدلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جىلدلىق

  • جىلدلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىلدلەرگە بۆلۈنگەن:[مىسال:] ئۈچ جىلدلىق كىتاب.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇقاۋىلانغان، تاشلانغان:[مىسال:] مۇدەررىس قولىدىكى قىزىل كۆن جىلدلىق كىتابنى ئېچىپ، ئاۋۋال ئەلىشىر ناۋايىنىڭ رۇبائىيسىنى ئوقۇدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇقاۋىلاشقا، تاشلاشقا، قاپلاشقا مۇۋاپىق، باب كېلىدىغان ياكى يېتىدىغان:[مىسال:] بىر جىلدلىق رەخت.

جىلدلىماق

  • جىلدلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈستىگە جىلد بېكىتمەك، جىلدقا ئالماق:[مىسال:] بۇ كىتابلاردىن بەشنى قىزىل كۆن بىلەن جىلدلىغانىكەن.

جىلدىر

  • جىلدىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىشىك زەنجىرى قاتارلىق نەرسىلەرگە بىرنەرسىنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.

جىلدىر-جىلدىر

  • جىلدىر-جىلدىر[يەشمىسى:] «جىلدىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] جىلدىر-جىلدىر قىلماق.

جىلدىرلاتماق

  • جىلدىرلاتماق[يەشمىسى:] «جىلدىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىلدىرلاشماق

  • جىلدىرلاشماق[يەشمىسى:] «جىلدىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىلدىرلىما

  • جىلدىرلىما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىلار ئويۇنچۇقى. ئادەتتە يۇمىلاق چەمبەر شەكىللىك بولىدۇ. ئۇنى تومراق سىم ياكى ئىنچىكىرەك تۆمۈر تاياقچىدىن مۇۋاپىق ياسالغان ئىلمەك قۇرۇلما ئارقىلىق، يەردە ياتقۇزۇپ قويماي تېز ھەم ئۇزۇنغىچە ھەيدەپ ماڭغىلى بولىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ جىلدىرلىمىسى مېنىڭكىدىن ياخشى ھەم يېڭى ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داپ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ چۆرىسىگە بېكىتىلگەن، سىرتقى تەسىرگە ئۇچرىغاندا ئۆزئارا تېگىشىپ، جىلدىرلاپ ئاۋاز چىقىرىدىغان، كىچىك-كىچىك تۆمۈر ھالقا قاتارلىق نەرسىلەردىن تۈزۈلگەن قۇرۇلما:[مىسال:] ئۇنىڭ دېپىغا تېخى جىلدىرلىما ئورنىتىلمىغانىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «جىلدىر-جىلدىر» ئاۋاز چىقىرىدىغان، جىلدىرلايدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلەكلىرىدىكى جىلدىرلىما بىلەزۈكنىڭ ئاۋازى داپ ئاۋازىغا زىل ئاۋاز قوشاتتى.

جىلدىرلىماق

  • جىلدىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جىلدىر-جىلدىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «جىلدىر-جىلدىر» قىلماق.

جىلدىرلىمىلىق

  • جىلدىرلىمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىلدىرلىمىسى بار، ئۈستىگە جىلدىرلىما ئورنىتىلغان:[مىسال:] بىرنەچچە قىز جىلدىرلىمىلىق كىچىك داپ بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى.

جىلغا

  • جىلغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغلار، ئېگىزلىكلەر ۋە دۆڭلۈكلەر ئارىلىقىدىكى ساي.

جىلغىلىق

  • جىلغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىلغا بار، جىلغا ھاسىل بولغان جاي.

جىلمايتماق

  • جىلمايتماق[يەشمىسى:] «جىلمايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىلمايماق

  • جىلمايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈلۈمسىرىمەك، تەبەسسۇم قىلماق:[مىسال:] ئۇ بىزنىڭ كىرىپ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ، ئورنىدىن يېنىككىنە تۇردى-دە، ئەدەپلىككىنە جىلمىيىپ، باش لىڭشىتىپ ھال سورىغاندەك قىلدى.[يەشمىسى:] ② يالتىرىماق، نۇرلانماق:[مىسال:] بۇلۇتلار سوزۇلۇپ، نۇر چاچتى قۇياش، يۈز ئاچتى جىلمىيىپ چەكسىز كۆك ئاسمان.

جىلمىيىشماق

  • جىلمىيىشماق[يەشمىسى:] «جىلمايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىلۋە

  • جىلۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① گۈزەل، نازاكەتلىك ھەرىكەت. [يەشمىسى:] ② رەڭمۇرەڭ تاۋلىنىش، كۆركەم كۆرۈنۈش.

جىلۋىلەندۈرمەك

  • جىلۋىلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «جىلۋىلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىلۋىلەندۈرۈشمەك

  • جىلۋىلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «جىلۋىلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

جىلۋىلەندۈرۈلمەك

  • جىلۋىلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «جىلۋىلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جىلۋىلەنمەك

  • جىلۋىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جىلۋە قىلماق، يالتىرىماق، نۇرلانماق، چاقنىماق؛ ئەكس ئەتمەك، ئىپادىلەنمەك:[مىسال:] سادىق بېشىنى سىڭاريان قىلدى، كۆزلىرىدە بۇ چاغقىچە كۆرۈلمىگەن ئاجىز نۇر ئۇچقۇنلىرى جىلۋىلەندى.

جىلۋىلىك

  • جىلۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىلۋە قىلغان، نۇرلۇق، پارقىراق:[مىسال:] ھاجى توختى ئېگىز ئۆگزىدە تۇرۇپ، سۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان شەرق ئاسمىنىغا نەزەر تاشلىدى، سەھەر تېڭى گۈزەل ۋە جىلۋىلىك ئىدى.

جىلىتكە

  • جىلىتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] يەڭسىز، ياقىسىز كالتە چاپان.

جىلىتكىلىك

  • جىلىتكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جىلىتكىسى بار، جىلىتكە كىيگەن:[مىسال:] ئاددىيغىنا جىلىتكىلىك قىز پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا يۈگۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② جىلىتكە تىكتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان، جىلىتكە تىكتۈرۈشكە مۇۋاپىق ياكى جىلىتكە تىكىشكە يېتىدىغان:[مىسال:] بىر جىلىتكىلىك رەخت.

جىلىچىلىك

  • جىلىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىلە بولغان ھالەت:[مىسال:] راست، جىلىچىلىكتە ھاراقمۇ ئىچتىم، توخۇمۇ سوقۇشتۇردۇم، دېدى ئېلىجان مومىسىغا.

جىلىخور

  • جىلىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاسان جىلە بولىدىغان، ئوڭاي تېرىكىدىغان، تېرىككەك:[مىسال:] جىلىخور ئادەم ئاسان قېرىيدۇ.

جىلىخورلۇق

  • جىلىخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسان جىلە بولۇش؛ تېرىككەكلىك.

جىم

  • جىم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئاۋاز، تاۋۇش چىقارماي، ئۈندىمەي، ئاۋازسىز، تاۋۇشسىز:[مىسال:] جىم ئولتۇرماق.[يەشمىسى:] ② مىدىرلىماي، ھەرىكەتسىز:[مىسال:] جىم ياتماق. جىم تۇرماق.[يەشمىسى:] ③ «ئاۋازىڭنى ئۆچۈر، تاۋۇشۇڭنى چىقارما؛ تىنچ تۇر، تىنچلان» مەنىلىرىدە ئۈندەش رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] − جىم، − دېدى مېھرىئاي يىغلاۋاتقان بالىسىغا قاراپ.

جىمبۇ

  • جىمبۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «بوغا»غا قاراڭ.

جىمبۇ-جاۋەن

  • جىمبۇ-جاۋەن[يەشمىسى:] جىمبۇ ۋە جاۋەن قاتارلىق ھارۋا جابدۇقلىرى.

جىمبىل

  • جىمبىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] مانتا، ھورنان قاتارلىقلارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ، ئاليۇمىن، مىس، قەلەيلەردىن، ئاستىنى ئۇششاق تۆشۈكلۈك قىلىپ ياسىغان سايمان.

جىمبىللىق

  • جىمبىللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىمبىلى بار، جىمبىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

جىمجىت

  • جىمجىت[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئاۋاز چىقارماي، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماي، تىپتىنچ:[مىسال:] ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىلار پات-پات ھاۋالىق جاي ۋە جىمجىت مۇھىتتا دەم ئېلىشى لازىم.[يەشمىسى:] ② ھەرىكەتسىز، مىدىرلىماي:[مىسال:] كىنو باشلىنىش بىلەن تەڭ، ئوتتۇرىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن بالىلار جىمجىت ئولتۇرۇشقا باشلىدى.

جىمجىتلاشماق

  • جىمجىتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جىمجىت ھالەتكە كەلمەك، جىمجىت بولماق؛ جىمىماق، تىنچىماق:[مىسال:] ئۇ جىمجىتلىشىپ قالغان بولسىمۇ، بولۇپ ئۆتكەن سۆھبەتلەرنى قايتا-قايتا ئەسلەيتتى.

جىمجىتلىق

  • جىمجىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىمجىت ئەھۋال، جىمجىت مۇھىت:[مىسال:] جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەك.

جىم-جىم

  • جىم-جىم[يەشمىسى:] لام-جىم دېمەي، جىممىدە:[مىسال:] مەن بىرھازا جىم-جىم ئولتۇرۇپ كەتتىم.

جىملىق

  • جىملىق[يەشمىسى:] ① جىم بولۇش، جىم بولغان پەيت، جىم تۇرغان ھالەت:[مىسال:] مۇڭلۇق ئېيتىلغان بۇ ناخشا كېچە جىملىقىنى بۇزۇپ، يىراقلارغا ياڭراشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە شەكلى. بۇنىڭدا ماددا ھەرىكىتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچتىكى، سۈپەت جەھەتتىكى نىسپىي مۇقىم ھالىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

جىممىدە

  • جىممىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «جىم» بولغان ھالدا، «جىم» ھالەتتە؛ لام-جىم دېمەي، جىم-جىم:[مىسال:] جىممىدە ئاخىرلاشماق. جىممىدە كەتمەك.

جىمى

  • جىمى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە، بارلىق، پۈتكۈل:[مىسال:] جىمى ئادەم. جىمى ئالەم.

جىمىتماق

  • جىمىتماق[يەشمىسى:] «جىمىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىمىر

  • جىمىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يۇلتۇزلارنىڭ بىر يېنىپ، بىر ئۆچۈپ چاقنىشى ياكى چاقناش ھالىتى.

جىمىر-جىمىر

  • جىمىر-جىمىر[يەشمىسى:] «جىمىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئاسماندىكى يۇلتۇزلار جىمىر-جىمىر قىلدى.

جىمىرلاتماق

  • جىمىرلاتماق[يەشمىسى:] «جىمىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

جىمىرلاشماق

  • جىمىرلاشماق[يەشمىسى:] «جىمىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يۇلتۇزلار تولۇن ئاي ھۆسنىنى تاماشا قىلىپ جىمىرلىشاتتى.

جىمىرلىماق

  • جىمىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىمىر-جىمىر قىلىپ نۇر چاچماق، پارقىرىماق، يالتىرىماق:[مىسال:] غەيرەت بىر تۈپ يالغۇز قارىياغاچنىڭ دالدىسىغا كېلىپ بىر دەم تۇردى ۋە جىمىرلاپ تۇرغان ئاسمانغا قارىدى.[يەشمىسى:] ② مەۋج ئۇرماق، دولقۇنلىماق:[مىسال:] ئۆستەڭ سۈيى ئۈستىگە پىلتىڭلاپ چىققان بېلىقلار پەيدا قىلغان سانسىز دۈگىلەك دائىرىلەر لەرزان تەۋرىنىپ، ئاي شولىسىدا جىمىرلايتتى.

جىمىشماق

  • جىمىشماق[يەشمىسى:] «جىمىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] رازاقنىڭ ئادەملىرى خۇددى قۇرغۇي كۆرگەن قۇشقاچلاردەك جىمىشتى.

جىمىغۇر

  • جىمىغۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىق گەپ قىلمايدىغان، كەم سۆز؛ ئاسان سىر بەرمەيدىغان:[مىسال:] جىمىغۇر بالا. * جىمىغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە (ماقال).

جىمىغۇرلاشماق

  • جىمىغۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جىق گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالماق؛ جىمىغۇر بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئەنۋەر تېخىمۇ جىمىغۇرلىشىپ كەتتى.

جىمىغۇرلۇق

  • جىمىغۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىمىغۇر ھالەت، مىجەز ياكى ئادەت:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ جىمىغۇرلۇقىنىڭ تېگىدە، دەھشەتلىك بىر پارتلاش كۈچى تاۋلانماقتا ئىدى.

جىمىقتۇرماق

  • جىمىقتۇرماق[يەشمىسى:] ① «جىمىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى چاققان ھەرىكەت قىلىپ، قاچا-قومۇچ ۋە قازان باشلىرىنى جىمېېسىقتۇرماق:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا، خوجىنىياز ھاجى ئاتنى تاشلاپ، يانتاقلىقلار ئارىسىدىن تېزلىك بىلەن ئۆمىلەپ كېلىپ، ئىككى پىلىموتچىكنى مائوزېر بىلەن جىمىقتۇردى.

جىمىقتۇرۇلماق

  • جىمىقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «جىمىقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

جىمىقماق

  • جىمىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم پائالىيەت ۋە ھەرىكەتتىن توختىماق، جىم بولماق، بېسىقماق:[مىسال:] زالدىكى ئوپۇر-توپۇر بىردىنلا جىمىقتى.

جىمىقىشماق

  • جىمىقىشماق[يەشمىسى:] «جىمىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزىق ئىش، چاكىلداۋاتقان سۇغۇرلارمۇ ھەش-پەش دېگۈچە، ئۇۋىلىرىغا كىرىپ، جىمىقىشتى.

جىمىكى

  • جىمىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە، بارلىق، جىمى:[مىسال:] ئۇلار ئالدىغا ئۇچرىغان جىمىكى نەرسىلەرنى ئۇرۇپ-چېقىپ، يانجىپ-چەيلەپ، بەگ تۇرۇشلۇق بىناغا ئېتىلىپ كەلدى.

جىمىلەشمەك

  • جىمىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جىمىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز ھەممىمىز ئاۋۇتنى جىمىلەشتۇق.

جىمىلىمەك

  • جىمىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىم بولۇشقا ئۈندىمەك:[مىسال:] شاڭخوچىنىڭ سۆزى ئېغىزىدىن ئەمدىلا چىقىشىغا، گارمونچى قىز ئۇنى جىمىلەپ قويدى.[يەشمىسى:] ② ئەيىبلىمەك، قىلمىشىنى تەكرار-تەكرار يۈزىگە سالماق:[مىسال:] موماي ئەسلىگە كېلىپ، قىلمىشىدىن ئەپسۇسلىنىپ، زار-زار يىغلاپتۇ، بوۋاي ئۇنى جىمىلەپ كېتىپتۇ.

جىمىماق

  • جىمىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جىم بولماق، سۈكۈتكە چۈشمەك؛ توختىماق، بېسىقماق:[مىسال:] ئۇ بىرئاز كۈتۈپ تۇرۇپ، مەيدان جىمىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى.

جىن

  • جىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي، خۇراپىي تەسەۋۋۇرلاردىكى خىلۋەت جايلاردا كىشى كۆزىگە ئادەم ۋە باشقا ھەر خىل نەرسىلەر قىياپىتىدە كۆرۈنىدىغان ۋە ئادەمگە بىرەر بەختسىزلىك كەلتۈرىدىغان ئەپسانىۋى مەخلۇق:[مىسال:] جىن تەگمەك. جىن چاپلاشماق. * قورققان يەردە جىن بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى كۆرۈمسىز بىرنېمە؛ بەتبەشىرە (كۆرۈمسىز، سەت ئادەم ھەققىدە):[مىسال:] نېمە دەيدۇ، ماۋۇ جىن، دېدى ئايشەمگۈل رەقىبىنى مەسخىرە قىلىپ.

جىنازا

  • جىنازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «تاۋۇت»قا قاراڭ.

جىن-ئالۋاستى

  • جىن-ئالۋاستى[يەشمىسى:] جىن، ئالۋاستى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قورقۇنچلۇق ئەپسانىۋى مەخلۇقلار.

جىنايەت

  • جىنايەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] قانۇنغا خىلاپ ۋە جازاغا تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ھەرىكەت، قىلمىش:[مىسال:] جىنايەت ئۆتكۈزمەك.

جىنايەتچى

  • جىنايەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىنايەت ئۆتكۈزگەن، جىنايى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغان كىشى.

جىنايەتكار

  • جىنايەتكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] جىنايەتچى:[مىسال:] جىنايەتكارنى ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ تېپىش كېرەك، دېدى ساقچى باشلىقى.

جىنايەتكارانە

  • جىنايەتكارانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] جىنايى يول بىلەن، جىنايەتكارلارچە:[مىسال:] جىنايەتكارانە قىلغان بۇزغۇنچىلىق. ∥ جىنايەتكارانە ئىش قىلماق. جىنايەتكارانە سۆز قىلماق.

جىنايەتلىك

  • جىنايەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىنايىتى بار، جىنايەت ئۆتكۈزگەن:[مىسال:] ئۇ ھازىر بېسىۋاتقان ھەر بىر قەدەم بۇ قارا نىيەتنىڭ كەينىدىن بىرمۇبىر جىنايەتلىك ئىز قالدۇرۇپ تۇراتتى.

جىنايى

  • جىنايى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] جىنايەتكە دائىر، جىنايەت بىلەن باغلانغان، جىنايەت دەپ قارىلىدىغان:[مىسال:] جىنايى قىلمىش. جىنايى جاۋابكارلىق.

جىن-ئەرۋاھ

  • جىن-ئەرۋاھ[يەشمىسى:] جىن ۋە ئەرۋاھ.

جىنئەنجۈرى

  • جىنئەنجۈرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جىن+ئەنجۈر+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېۋىسى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىگە ئوخشايدۇ، ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ ياغىچى تۇتۇق كۈل رەڭ ۋە بوش كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆي جاھازىلىرىنى ياساشقا بولىدۇ؛ دەرەخ قوۋزىقىدىن ئېلىنغان تالانى توقۇمىچىلىققا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

جىنتەك

  • جىنتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] كىچىك قىزلارنى ئەركىلىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان سۆز:[مىسال:] ھوي جىنتەك، مېنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولمامسەن

جىنچاتقىلى

  • جىنچاتقىلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جىن+چاتقال+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جىنچاتقىلى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. ياغىچى ئاق، چىداملىق، ئېگىلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كىچىك تىپتىكى سايمانلارنى ياساشقا بولىدۇ.

جىنچىراغ

  • جىنچىراغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جىن+چىراغ[[يەشمىسى:] ئىچىگە سۇ يېغى ياكى كىرسىن قۇيۇپ، پاختىدىن ئىشلەنگەن پىلىكنى سېلىپ ياندۇرىدىغان شېشىسىز چىراغ؛ قارا چىراغ.

جىندەك

  • جىندەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىنغا ئوخشاش، سەت، كۆرۈمسىز:[مىسال:] جىندەك كۆرۈنمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرئاز، ئازغىنا، كىچىككىنە، بىزە:[مىسال:] توختاڭلار، جىندەك تەخىر قىلىڭلار، دېدى يۈسۈپ چوڭ ئۇنى توسۇپ.

جىندىخانا

  • جىندىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئەقلىدىن ئازغان، ساراڭلارنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە ئۇلار تۇرىدىغان جاي. ساراڭلار دوختۇرخانىسى.

جىنس

  • جىنس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىق ئورگانىزملارنىڭ بىئولوگىيىلىك ۋە جىسمانىي خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن ئايرىلىدىغان تۈرى:[مىسال:] ئەر جىنس. ئاتىلىق جىنس. ئانىلىق جىنس.[يەشمىسى:] ② ئىجتىمائىي گۇرۇپپا، تەبىقە، ئۇرۇق، زات، نەسىل:[مىسال:] ئەي ئادەم، دېدى سەرەتان ئادەم تىلىدا سۆزلەپ، سەن بىر لەھەڭگە ھىمايىچى بولما، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىز بىر جىنس.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر پوستىنىڭ مەلۇم قاتلىمىنى ھاسىل قىلىدىغان مىنېرال:[مىسال:] تاغ جىنسلىرى.

جىنسداش

  • جىنسداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىنسى ئوخشاش، بىر جىنستىكى:[مىسال:] جىنسداش ھايۋانلار.

جىنسداشلىق

  • جىنسداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىنسى ئوخشاشلىق.

جىنسسىز

  • جىنسسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىككى خىل جىنسىي ھۈجەيرىنىڭ قوشۇلۇشى بولمىغان، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز بولغان:[مىسال:] جىنسسىز كۆپىيىش. جىنسسىز نەسىللىنىش.

جىنسىزلىق

  • جىنسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى جىنسنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوشۇلماسلىقى؛ جىنسقا مەنسۇپ ئەمەسلىك.

جىنسلىق

  • جىنسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەلۇم جىنسقا مەنسۇپ، جىنسقا تەۋە:[مىسال:] تاق جىنسلىق. قوش جىنسلىق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جىنسىي يول بىلەن بولىدىغان، جىنسقا مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] جىنسلىق شالغۇتلاشتۇرۇش. جىنسلىق كۆپىيىش.

جىنسىي

  • جىنسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جىنسقا خاس، جىنسقا مۇناسىۋەتلىك، جىنسقا ئائىت:[مىسال:] جىنسىي ئالاقە. جىنسىي بەلگە.

جىنسىيەت

  • جىنسىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جىنسىي ھالەت ۋە خاراكتېر.

جىن-شاياتۇن

  • جىن-شاياتۇن[يەشمىسى:] كونا قاراشلاردا جىن، شەيتان قاتارلىق ئادەمگە ھەر خىل شەكىلدە كۆرۈنىدىغان، كىشىلەردە ئىللەت پەيدا قىلىدىغان، ئەڭ سەت، قورقۇنچلۇق ئەپسانىۋى مەخلۇقلار.

جىن-شەيتان

  • جىن-شەيتان[يەشمىسى:] جىن ۋە شەيتان:[مىسال:] مېنى ئەمدى ئادەم تۈگۈل، جىن-شەيتانمۇ تاپالمايدۇ، دېدى سەمەت ئاپىسىغا.

جىنكەش

  • جىنكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا ئادەت بويىچە جىن چاپلىشىپ ساراڭ بولۇپ قالغانلارغا دۇئا ئوقۇيدىغان ئادەم.

جىنكەشلىك

  • جىنكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا ئادەت بويىچە جىن چاپلىشىپ ساراڭ بولۇپ قالغانلارغا دۇئا ئوقۇش، ئۇچۇقداش ھەرىكىتى:[مىسال:] جىنكەشلىك قىلماق.

جىنكېۋىزى

  • جىنكېۋىزى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جىن+كېۋەز+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. قاسىراقلىق مېۋىسى سوقىچاق، ئىچىدە بىر دانە ئۇرۇقى بولىدۇ؛ ئۇرۇقى دورا بولىدۇ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.

جىنئۈزۈمى

  • جىنئۈزۈمى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جىن+ئۈزۈم+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈجمە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى قىزىل كېلىدۇ؛ دەرەخ قوۋزىقى سامان قەغەزنىڭ ياخشى خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ.

جىنياڭيۇسى

  • جىنياڭيۇسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]جىن+ياڭيۇ+سى[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چايان ئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۈستى قىسمى تاياق شەكىللىك كېلىدۇ؛ يەر ئاستى غولى شار شەكلىدە بولۇپ، يېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە كراخمال ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئاستى غولى.

جىۋەك

  • جىۋەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۇغى كىچىك، ۋىجىك، كۆرۈمسىز:[مىسال:] جىۋەك ئادەم.

جىۋەكلىك

  • جىۋەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋىجىكلىك، كۆرۈمسىزلىك.

جىۋجىل

  • جىۋجىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەپچىل، چاققان، چىرايلىق.

جىۋىر

  • جىۋىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىر توپ قۇشقاچنىڭ ئۆزئارا سايراشلىرىدىن ھاسىل بولغان ئارىلاش ئاۋاز.

جىۋىر-جىۋىر

  • جىۋىر-جىۋىر[يەشمىسى:] «جىۋىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] كۈن پېتىشقا يېقىن، ئۈجمە شاخلىرىغا قونۇۋالغان بىر توپ قۇشقاچلارنىڭ جىۋىر-جىۋىر قىلىپ سايراشلىرى ئاڭلاندى.

جىۋىرلاشماق

  • جىۋىرلاشماق[يەشمىسى:] «جىۋىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قۇشقاچلار جىۋىرلاشتى.

جىۋىرلىماق

  • جىۋىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «جىۋىر-جىۋىر» قىلغان ئاۋاز پەيدا قىلماق، «جىۋىر-جىۋىر» قىلىپ سايرىماق.

جياڭجۈن

  • جياڭجۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل ۋە شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن كىشى.

جياڭگۇەن

  • جياڭگۇەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ھەربىي ئەمەلدار، قوماندان.

جياڭلىڭ

  • جياڭلىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار، گېنېراللار.

جياۋبۇ

  • جياۋبۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] جاراھەتنى تاڭغاندا ئۈستىدىن چاپلاش، توك سىمىنىڭ ئوچۇق يېرىنى ئوراش، يەشىك قاتارلىقنىڭ ئاغزىنى چاپلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان بىر يۈزىگە مەلھەم، يېلىمگە ئوخشاش يېپىشقاق نەرسە سۈرتۈلگەن رەخت، سولياۋ، بېنت.

جىيەك

  • جىيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دوپپا، تون قاتارلىقلارنىڭ گىرۋىكىگە تۇتۇلىدىغان مەخسۇس لېنتا.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىنىڭ گىرۋىكى، چېتى، لېۋى، گەردىشى:[مىسال:] نۇرنىسا ئۇنىڭ جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قارىدى.[يەشمىسى:] ③ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

جىيەكلىك

  • جىيەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جىيىكى بار، جىيەك تۇتۇلغان:[مىسال:] ئاق جىيەكلىك شەپكە.[يەشمىسى:] ② جىيەك قىلىشقا تەييارلانغان، جىيەك قىلىشقا مۇۋاپىق:[مىسال:] جىيەكلىك رەخت.

جىيەن

  • جىيەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ بالىلىرى.

جىيرەن

  • جىيرەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سېرىققا مايىل قىزىل:[مىسال:] جىيرەن ئات.

جىيىن

  • جىيىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەرنىڭ ئىككى قېشىنىڭ قىرىغا مىخلانغان تۆمۈر ياكى مىس.

جىيىنلىق

  • جىيىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىيىنى بار، جىيىن بېكىتىلگەن:[مىسال:] جىيىنلىق ئېگەر.