ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

30 ئې 🔗

ئې

ئېپتۇنىي

ئېپوپىيە

ئېپوس

ئېپىتاكسىيە

ئېپىتېلىي

ئېپىتىت

ئېپى-جېپى

ئېپىدە

ئېپىدېرما

ئېپىزوت

ئېپىسكوپ

ئېپىسكوپلۇق

ئېپىفىز

ئېپىك

ئېپىگراف

ئېپى-مەلە

ئېتالون

ئېتان

ئېتانول

ئېتەك

ئېتەك سالدى قىلماق

ئېتەك ياپماق

ئېتىكىنى ياپماق

ئېتىكى ئوتلۇق

ئېتەكلەپ

ئېتەكلىك

ئېتنوگراف

ئېتنوگرافىيە

ئېتنوگرافىيىلىك

ئېتنولوگىيە

ئېتنولوگىيىلىك

ئېتنىك

ئېتېن

ئېتىبار

ئېتىبارەن

ئېتىبارسىز

ئېتىبارسىزلىق

ئېتىبارلىق

ئېتىراپ

ئېتىراز

ئېتىرازسىز

ئېتىز

ئېتىزلىق

ئېتىز-ئېرىق

ئېتىش

ئېتىشماق

ئېتىشمەكⅠ

ئېتىشمەكⅡ

ئېتىشۋازلىق

ئېتىقاد

ئېتىقادچى

ئېتىقادچىلىق

ئېتىقادلىق

ئېتىك

ئېتىكا

ئېتىكاپ

ئېتىكاپخانا

ئېتىكلىك

ئېتىكىلىق

ئېتىل

ئېتىلدۇرماق

ئېتىلما

ئېتىلماق

ئېتىلمەكⅠ

ئېتىلمەكⅡ

ئېتىلېن

ئېتىلېندىئامىن

ئېتىم

ئېتىماد

ئېتىمولوگىيە

ئېتىمولوگىيىلىك

ئېتىنىل

ئېتىئولوگىيە

ئېتىيود

ئېجە

ئېجرىق

ئېجىرىم

ئېجىرىملىق

ئېجىل

ئېجىللىق

ئېچىتقۇ

ئېچىتقۇلۇق

ئېچىتماق

ئېچىتىش

ئېچىتىلماق

ئېچىرقاتماق

ئېچىرقاشماق

ئېچىرقىماق

ئېچىشتۇرماق

ئېچىشماقⅠ

ئېچىشماقⅡ

ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپمەك

ئېچىق

ئېچىقسىز

ئېچىقلىق

ئېچىلدۇرماق

ئېچىلما

ئېچىلماق

ئېچىلىپ-يېيىلىپ

ئېچىماق

ئېچىنارلىق

ئېچىندۇرماق

ئېچىنماق

ئېچىنىشلىق

ئېچىنىشماق

ئېچىئۇرىدا

ئېچىئۇرىدا قۇرتى

ئېخ

ئېخىنوكوك

ئېدەر

ئېدەر تۇتماق

ئېدەر سالماق

ئېدەر قىلماق

ئېدەر ۋاقتى

ئېدېس

ئېدېس پاشىسى

ئېدىت

ئېدىتلاتماق

ئېدىتلاشماق

ئېدىتلانماق

ئېدىتلىق

ئېدىتلىماق

ئېدىر

ئېدىرلىق

ئېرا

ئېراتيوم

ئېرەكتە

ئېرەم

ئېرەنⅠ

ئېرەنⅡ

ئېرەنسىز

ئېرەنسىزلىك

ئېرەنشىمەك

ئېرەنلىك

ئېربىي

ئېرپان

ئېرتماق

ئېرتىشماق

ئېرتىلماق

ئېرسال

ئېرسالنامە

ئېرگ

ئېروگلىف

ئېروگلىفلىق

ئېروگلىفلىق يېزىق

ئېرونىيە

ئېرۇر

ئېرىت

ئېرىترومىتسىن

ئېرىتكۈچ

ئېرىتكۈچى

ئېرىتمە

ئېرىتمەك

ئېرىتىلمەك

ئېرىش

ئېرىش نۇقتىسى

ئېرىشتۈرمەك

ئېرىشچان

ئېرىشچانلىق

ئېرىشمە

ئېرىشمەكⅠ

ئېرىشمەكⅡ

ئېرىشىلمەك

ئېرىغ

ئېرىغ مال

ئېرىغداتماق

ئېرىغداشماق

ئېرىغدالماق

ئېرىغدىماق

ئېرىق

ئېرىقچە

ئېرىقشىماق

ئېرىق-ئۆستەڭ

ئېرىك

ئېرىگۈچى

ئېرىڭاي

ئېرىمە

ئېرىمەك

ئېرىنچەك

ئېرىنچەكلىك

ئېرىنمەك

ئېزىتقۇ

ئېزىتقۇلۇق

ئېزىق

ئېزىقتۇرغۇچى

ئېزىقتۇرماق

ئېزىقماق

ئېزىقىشماق

ئېزىلەڭگۈ

ئېزىلەڭگۈلۈك

ئېزىلدۈرمەك

ئېزىلگۈچى

ئېزىلمەك

ئېزىلىشمەك

ئېسەدەشمەك

ئېسەدىمەك

ئېسەكىمەك

ئېسەلەنمەك

ئېسەنⅠ

ئېسەنⅡ

ئېسەنچىلىك

ئېسەنگىرەتمەك

ئېسەنگىرەشمەك

ئېسەنگىرىمەك

ئېسەنلەشمەك

ئېسەنلىكⅠ

ئېسەنلىكⅡ

ئېسەنلىككە

ئېسپېرانتو

ئېستېتىزم

ئېستېتىكا

ئېستېتىكىلىق

ئېستېر

ئېستېرلىماق

ئېسكۇدو

ئېسكۇلۇس

ئېسكىموس

ئېسكىموس تىلى

ئېسىركىمەك

ئېسىشماق

ئېسىقلىق

ئېسىكىمەك

ئېسىل

ئېسىلدۇرماق

ئېسىلزادە

ئېسىلزادىلىك

ئېسىلماق

ئېسىلىشماق

ئېشەك

ئېشەك بېشى تۇتمىغان

ئېشەك سىزىپ، مۈڭگۈز چىقىرىپ قويماق

ئېشەك قۇلاق

ئېشەك قۇلان

ئېشەك قېچىرى

ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب چالماق

ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەردە يۈرمەك

ئېشەك ئۇچىسى

ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە بولماق

ئېشىكى تۆت چىشلىق بولماق

ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە بولماق

ئېشىكىنى بېقىپ، تېزىكىنى تەرمەك

ئېشەكچى

ئېشەكچىلىك

ئېشەكقومۇشى

ئېشەكقۇرتى

ئېشەكلىك

ئېشەكمەدىكى

ئېشەكيېلىمى

ئېشەكيېمى

ئېشىپ-تېشىپ

ئېشىگلىك

ئېشىلمەك

ئېشىنچا

ئېشىندى

ئېشىنماق

ئېغىر

ئېغىر ئالماق

ئېغىر ئايىغىنى يەڭگىل قىلىپ

ئېغىر بويىنى يەڭگىل قىلىپ

ئېغىر تەگمەك

ئېغىر چۈشمەك

ئېغىر سانائەت

ئېغىر كارۋان

ئېغىر كەتمەك

ئېغىر كەلمەك

ئېغىر كۆرمەك

ئېغىر ھىدروگېن

ئېغىر ئۇستىخان

ئېغىر ياتقۇ

ئېغىر-ئارتۇق

ئېغىرئاياغ

ئېغىربوي

ئېغىر-بېسىق

ئېغىر-بېسىقلىق

ئېغىرچىلىق

ئېغىرسىنماق

ئېغىرسىنىشماق

ئېغىرقات

ئېغىرلاتماق

ئېغىرلاشتۇرماق

ئېغىرلاشتۇرۇلماق

ئېغىرلاشماق

ئېغىرلىق

ئېغىرلىق قىلماق

ئېغىرلىماق

ئېغىر-يېنىك

ئېغىز

ئېغىز ئاچماق

ئېغىز ئالماق

ئېغىز ئەدەبىياتى

ئېغىز بوشلۇقى

ئېغىز تامشىماق

ئېغىز تەرجىمىسى

ئېغىز تەگمەك

ئېغىز تىلى

ئېغىزدىلا قالماق

ئېغىزدىن تەگكەن

ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچمەك

ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق

ئېغىزغا ئالغۇسىز

ئېغىزغا چىقماق

ئېغىز گارمۇنى

ئېغىزنى زايە قىلماق

ئېغىزنىڭ بىر قات تېرىسى سويۇلۇپ كەتمەك

ئېغىزنىڭ پاشنىسى يوق

ئېغىزنىڭ ئۇچىدا

ئېغىزنىڭ يېلى

ئېغىز ئۈششۈتمەك

ئېغىزىدا تۇغۇۋالغان

ئېغىز ئىقرارى

ئېغىز ئىمتىھانى

ئېغىز-بۇرۇن

ئېغىز-بۇرۇن يالاشماق

ئېغىز-بۇرنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتمەك

ئېغىزچە

ئېغىزدۇرۇق

ئېغىزلاندۇرماق

ئېغىزلاندۇرۇشماق

ئېغىزلاندۇرۇلماق

ئېغىزلانماق

ئېغىزلىقⅠ

ئېغىزلىقⅡ

ئېغىزمان

ئېغىشماق

ئېغىل

ئېغىناتماق

ئېغىناشماق

ئېغىنىماق

ئېفتالىت

ئېففۇزىيە

ئېففېكت

ئېففېكتور

ئېفېدرىن

ئېفىرⅠ

ئېفىرⅡ

ئېقىتما

ئېقىتماق

ئېقىتماي-تېمىتماي

ئېقىش

ئېقىش تاپماق

ئېقىشچان

ئېقىشچانلىق

ئېقىشماق

ئېقىم

ئېقىم مەسىلىلىرى

ئېقىمسىز

ئېقىن

ئېكە

ئېكەك

ئېكەكلەتمەك

ئېكەكلەشمەك

ئېكەكلەنمەك

ئېكەكلىمەك

ئېكتوپلازما

ئېكتورىئال

ئېكران (ئېكرانى)

ئېكرانلىق

ئېكزوسفېرا

ئېكس

ئېكس نۇرى

ئېكسپرومىت

ئېكسپورت

ئېكسپوزىتسىيە

ئېكسپېدىتسىيە

ئېكسپېدىتسىيىچى

ئېكسپىلاتاتسىيە

ئېكسپىلاتاتسىيىچى

ئېكسپىلاتاتور

ئېكستراكت

ئېكستراكتلىماق

ئېكسكاتور

ئېكسكاۋاتور

ئېكسكۇرسىيە

ئېكىسكۇرسىيىچى

ئېكسىستون

ئېكلوگىت

ئېكلىپتىكا

ئېكلىپتىكىلىق

ئېكولوگىيە

ئېكولوگىيىلىك

ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق

ئېكونومايزىر

ئېكۋاتور

ئېكۋىۋالېنت

ئېكىن

ئېكىنزار

ئېكىنزارلىق

ئېكىنلىك

ئېگەر

ئېگەرنىڭ ئارقا قېشىغا مىنمەك

ئېگەر-توقۇم

ئېگەر-جابدۇق

ئېگەرچى

ئېگەرچىلىك

ئېگەرلەتمەك

ئېگەرلەشمەك

ئېگەرلەكلىك

ئېگەرلەنمەك

ئېگەرلىك

ئېگەرلىمەك

ئېگىچە

ئېگىچە-سېڭىل

ئېگىر

ئېگىرتمەك

ئېگىرمەك

ئېگىرىشمەك

ئېگىرىلمەك

ئېگىز

ئېگىز شاخقا ئېسىلماق

ئېگىز ئوقۇردىن يەم يېمەك

ئېگىز-پەس

ئېگىز-پەسلىك

ئېگىزلەتمەك

ئېگىزلەشمەك

ئېگىزلەنمەك

ئېگىزلىك

ئېگىزلىمەك

ئېگىشمەك

ئېگىك

ئېگىلەڭگۈ

ئېگىلمەس

ئېگىلمەس-سۇنماس

ئېگىلمەك

ئېگىلمەي-سۇنماي

ئېگىلىشچان

ئېگىلىشچانلىق

ئېگىن

ئېگىن-ئاياغ

ئېڭەك

ئېڭەك قوشتۇرماق

ئېڭىكى چۈشمەك

ئېڭىكى چۈشۈپ قالماق

ئېڭىكىنى تىرەپ قالماق

ئېڭەكلىك

ئېڭىز

ئېڭىز تېرىلغۇسى

ئېڭىزلىق

ئېڭىش

ئېڭىشەڭگۈ

ئېڭىشتۈرمەك

ئېڭىشتۈرۈلمەك

ئېڭىشمە

ئېڭىشمەك

ئېلاستىك

ئېلاستىكلىق

ئېلان

ئېلانچى

ئېللىپس

ئېللىپسلىق

ئېللىپسوگراف

ئېلۈنچۈن

ئېلۈنچۈنچە

ئېلېكتر

ئېلېكتر پاتېفون

ئېلېكتر پاراۋۇز

ئېلېكتر دۋىگاتېل

ئېلېكتر قارشىلىقى

ئېلېكتر قۇتۇپى

ئېلېكتر قۇۋۋىتى

ئېلېكتر ئىستانسىسى

ئېلېكترلەشتۈرمەك

ئېلېكترلەشمەك

ئېلېكترلەشكەن مائارىپ

ئېلېكترلىك

ئېلېكتروخىمىيە

ئېلېكترود

ئېلېكترودىئالىز

ئېلېكترودىئوگراف

ئېلېكتروزاتور

ئېلېكتروسكوپ

ئېلېكتروفور

ئېلېكتروفورېز

ئېلېكتروكاردىئوگراف

ئېلېكتروكاردىئوگرافىيە

ئېلېكتروكاردىئوگرامما

ئېلېكتروگرافىيە

ئېلېكترولىت

ئېلېكترولىز

ئېلېكترولىزلىماق

ئېلېكتروماتور

ئېلېكتروماگنىت

ئېلېكترومېتىر

ئېلېكترومېخانىكا

ئېلېكترون

ئېلېكترونلۇق

ئېلېكترونۋولت

ئېلېكترونىكا

ئېلېكتروئوگول

ئېلېكتروۋۇز

ئېلېكتروئېنسېفالوگراف

ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما

ئېلېگىيە

ئېلېمېنت

ئېلېمېنتلار بەلگىسى

ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى

ئېلېمېنتار

ئېلىپ

ئېلىپنى بە (تاياق) دېيەلمەسلىك

ئېلىپنى كالتەك دېيەلمەسلىك

ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەسلىك

ئېلىپنىڭ سۇنىقىنى تونۇماسلىق

ئېلىپبە

ئېلىپبە جەدۋىلى

ئېلىپبەلىك

ئېلىپتەك

ئېلىپساتار

ئېلىپساتارلىق

ئېلىپ-سېتىش

ئېلىشⅠ

ئېلىشⅡ

ئېلىشⅢ

ئېلىشتۇرماق

ئېلىشما

ئېلىشماق

ئېلىشىش

ئېلىق

ئېلىك

ئېلىڭ-سېلىڭ

ئېلىم

ئېلىم-بېرىم

ئېلىم-سېتىم

ئېلىنغۇچى

ئېلىنماق

ئېلىۋەتمەك

ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ قىلماسلىق

ئېمال

ئېماللىق

ئېمان

ئېمەن

ئېمەن پىلىسى

ئېمبارگو

ئېمبرىئولوگىيە

ئېمبول

ئېمبولىيە

ئېموتسىئونال

ئېموتسىيە

ئېمۇلسىيە

ئېمۇلسىيىلەشتۈرۈش

ئېمۇلسىيىلەشتۈرمەك

ئېمۇلسىيىلەشمەك

ئېمۇلسىيىلىگۈچى

ئېمۇلسىيىلىمەك

ئېمىتمەك

ئېمىتىلمەك

ئېمىزەك

ئېمىزگۈ

ئېمىشمەك

ئېمىلداش

ئېمىلداشلىق

ئېن

ئېنە

ئېنتالپىيە

ئېنتروپىيە

ئېنتومولوگىيە

ئېنتېرۋال

ئېندوسپورا

ئېنزىم

ئېنسىتات

ئېنسىكلوپېدىيە

ئېنسىكلوپېدىيىلىك

ئېنېرگېتىكا

ئېنېرگىيە

ئېنېرگىيىچىلىك

ئېنىتېلېفىئا

ئېنىق

ئېنىقسىز

ئېنىقسىزلىق

ئېنىقلاتماق

ئېنىقلاش

ئېنىقلاشماق

ئېنىقلانغۇچى

ئېنىقلانماق

ئېنىقلىغۇچى

ئېنىقلىق

ئېنىقلىما

ئېنىقلىماق

ئېنىمەك

ئېھ

ئېھتىرام

ئېھتىلام

ئېھتىمال (ئېھتىمالى)

ئېھتىمالدىن يىراق

ئېھتىمالغا يېقىن

ئېھتىماللاشماق

ئېھتىماللىق

ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى

ئېھتىيات

ئېھتىياتەن

ئېھتىياتچان

ئېھتىياتچانلىق

ئېھتىياتسىز

ئېھتىياتسىزلىق

ئېھتىياتلىق

ئېھتىياج

ئېھتىياجسىز

ئېھتىياجلىق

ئېھرام

ئېھسان

ئېئون

ئېۋالد

ئېۋالد سفېراسى

ئېۋەن

ئېۋەنسىز

ئېۋەنلىك

ئېۋفوربىيە

ئېۋفوربىيە چاتقىلى

ئېۋفېمىزم

ئېۋكالىپت

ئېۋكالىپت دەرىخى

ئېۋگلىنا

ئېۋگېنىكا

ئېۋودىيە

ئېۋودىيە دەرىخى

ئېۋوليۇتسىيە

ئېۋېنكې

ئېۋېنكېچە

ئېيتارلىق

ئېيتايلۇق

ئېيتقۇزماق

ئېيتقۇسىز

ئېيتماق

ئېيتقىنىڭ كەلسۇن

ئېيتماقچى

ئېيتىشماق

ئېيتىشىش

ئېيتىلماق

ئېينىشتېين

ئېينىشتېين نىسبىيلىك پرىنسىپى

ئېينىشتېينىي

ئېيىق

ئېيىقتاپان

ئېيىقئۈزۈمى

ئېيىل

ئىزاھى

ئې

  • ئې[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئوتتۇزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئوتتۇزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ئې» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئې∥ې»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئې»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ې»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ې»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئې».

  • «ئې» تاۋۇش تەلەپپۇز قىلىغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلدىكى رولى جەھەتتىن ئارا سوزۇق تاۋۇش، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇش.

  • «ئې» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلەردىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى مىڭ يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، تۈپ سۆز شەكلىدە ۋە قوشۇمچە قوشۇلغاندىمۇ «ئې» تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىدۇ. ئاجىزلاشقىنى بويىچە يېزىلىدۇ ۋە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئەسلىسى ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ئاغىر ئېغىر ئېغىر

  • ئارىخ ئېرىق ئېرىق

  • ئەشەك ئېسەك ئېشەك

  • چەچەك چېچەك چېچەك

  • 2. «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە «ئى» بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، مەزكۇر بوغۇم ئوچۇق بوغۇم ھالىتىدە قىلىپ، بوغۇمنىڭ ئۇرغۇسى كېيىنكى بوغۇملارغا يۆتكەلسە، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئاجىزلىشىپ «ئې» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ ھەم شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • قاش-قېشى، كەل-كېلىش، ئال-ئېلىش، تەر-تېرىش، سال-سېلىش

  • 3. رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئالدىنقى بوغۇمىدا «ې»، كېيىنكىسىدە «ا، و» قاتار كەلگەن سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئىملاسى ئوخشاش بولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا سوزۇق تاۋۇشلار ئارىسىغا «ي» قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ. مەسىلەن:

  • رېياكسىيە (ئەمەس) رېئاكسىيە

  • گېيومېتىرىيە (ئەمەس) گېئومېتىرىيە

  • رېيال (ئەمەس) رېئال

  • فېيودالىزم (ئەمەس) فېئودالىزم

ئېپتۇنىي

  • ئېپتۇنىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت. نېيترون ئارقىلىق ئۇراننى بومباردىمان قىلىش يولى بىلەن ئېلىنىدۇ. ئەڭ تۇراقلىق ئىزوتوپنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ يىل.

ئېپوپىيە

  • ئېپوپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن بەدىئىي ئەسەرلەر.

ئېپوس

  • ئېپوس[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ لىرىكا ۋە درامىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يەنە بىر تۈرى، يەنى ۋەقەلەرنى كەڭ ھېكايە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر مەجمۇئەسى.[يەشمىسى:] ② خەلق ئاغزاكى ئىجادىيىتىدە قەھرىمانلىق ۋە قەھرىمانلار ھەققىدىكى داستانلار مەجمۇئەسى. مەسىلەن، «ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئېتنىك، تارىخىي ئەھۋالىنى ۋە قەھرىمانلىق خۇسۇسىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئېپوس ھېسابلىنىدۇ.

ئېپىتاكسىيە

  • ئېپىتاكسىيە[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېتاللىرىنى ياساش تېخنىكىسىدا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مونوكرىستال پەردىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ئادەتتە گاز فازىلىق ئېپىتاكسىيە، سۇيۇق فازىلىق ئېپىتاكسىيە ۋە مولېكۇلا دەستىلىك ئېپىتاكسىيە قاتارلىق بىرقانچە خىلغا بۆلۈنىدۇ.

ئېپىتېلىي

  • ئېپىتېلىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار تېنىنىڭ يۈزىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق كاۋاك ئەزالىرىنىڭ ئىچكى توقۇلمىلار يۈزىنى ئوراپ تۇرىدىغان توقۇلما.

ئېپىتىت

  • ئېپىتىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] نەرسە، ھادىسىلەرنىڭ روشەن ئوبرازىنى بېرىش، شەيئىلەرنىڭ ئېنىق ھالەتلىرىنى، سۈپىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تەرىپلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆز ياكى ئىبارە.

ئېپى-جېپى

  • ئېپى-جېپى[يەشمىسى:] بىرەر جاي، ئىش، نەرسە قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، يوللىرى، ئامال-چارىلىرى:[مىسال:] ئىشخانىغا بۇ يەرنىڭ ئېپى-جېپىنى بىلىدىغان قېرىلار توشۇپ كېتىپتۇ.

ئېپىدە

  • ئېپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] لايىقىدا، مۇۋاپىق:[مىسال:] شۇلار ئۈچۈن بىرەر ئېپىدە نەرسە ئېلىپ چىقاي دەپ بازارغا كىرسەم، بۇ نەرسە ئەرزانلا ئۇچراپ قالدى.

ئېپىدېرما

  • ئېپىدېرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① تېرىنىڭ سىرتقى قەۋىتى. [يەشمىسى:] ② ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنى يۈزىدىكى ئەڭ دەسلەپتە ئۆسكەن قوغدىغۇچى توقۇلما. ئاددىي قەۋەتلىك رەڭسىز، تەكشى ۋە تىرىك ھۈجەيرىلەردىن قۇرۇلغان.

ئېپىزوت

  • ئېپىزوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① ئايرىم تۇرمۇش ھادىسىسى.[يەشمىسى:] ② رومان، دراما، سېنارىيە قاتارلىق بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ نىسبىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان بىر تەركىبىي قىسمى.

ئېپىسكوپ

  • ئېپىسكوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىي چېركاۋلىرىدىكى ئالىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان شەخس.

ئېپىسكوپلۇق

  • ئېپىسكوپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېپىسكوپ ئېرىشكەن دەرىجە، ئەمەل.[يەشمىسى:] ② ئېپىسكوپ قىلىدىغان ئىش، خىزمەت:[مىسال:] بۇلتۇر رۇمىنىيىگە بارغىنىمدا ئۇنىڭ ئېپىسكوپلۇق قىلىۋاتقان يەرلىرىدە بولدۇم.

ئېپىفىز

  • ئېپىفىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئۇزۇن سۆڭەكلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە، سۆڭەك ئۇچى ۋە سۆڭەك غولى ئارىلىقىدا بىر قەۋەت كۆمۈرچەك پلاستىنكىسى بولىدۇ. چوڭلاردا بۇ پلاستىنكا قاتتىقلىشىپ ئۇچ ۋە غوللار قوشۇلۇپ كېتىدۇ.

ئېپىك

  • ئېپىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① ئېپوسقا ئائىت، ئېپوستا بولىدىغان، ئېپوستا تەسۋىرلەنگەن:[مىسال:] ئېپىك قەھرىمان.[يەشمىسى:] ② ئېپوستىن ئىبارەت بولغان؛ ۋەقەلىككە ئىگە:[مىسال:] ئېپىك داستان.

ئېپىگراف

  • ئېپىگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەسەرنىڭ ياكى شۇ ئەسەر ئىچىدىكى قىسىم، بابلارنىڭ بېشىدا كېلىپ، پۈتۈن ئەسەرنىڭ ياكى قىسىم، بابلارنىڭ مەزمۇنىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان جۈملىلەر، ئۈزۈندىلەر، شېئىرىي پارچىلار، ئەقلىيە سۆزلەر، قوشاق ۋە ماقال-تەمسىللەر.

ئېپى-مەلە

  • ئېپى-مەلە [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قولۇم-قوشنا.

ئېتالون

  • ئېتالون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ ئېنىق نەمۇنىسى، ئۈلگىسى.

ئېتان

  • ئېتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى ئالكانلارنىڭ بىر خىلى. مولېكۇلا فورمۇلىسى رەڭسىز، پۇراقسىز، يېنىشچان گاز. تەبىئىي گازلاردا ساقلىنىدۇ. ئادەتتە ئورگانىك بىرىكمىلەرنى سىنتېزلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىلغۇمۇ قىلىنىدۇ.

ئېتانول

  • ئېتانول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى ئىسپىرتلارنىڭ بىر خىلى، مولېكۇلا فورمۇلىسى C2H5OH. رەڭسىز يېنىشچان سۇيۇقلۇق، ئالاھىدە پۇراققا ئىگە، قەنتلىك ماددىلارنى ئېچىتىپ دىستىلەش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ، ئېتىلىندىن پايدىلىنىپمۇ ئېلىش مۇمكىن. سىنتېتىك كاۋچۇك سۇلياۋ ۋە بوياق قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئىشلەشتە قوللىنىلىدۇ، يەنە خىمىيە سانائىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئېرىتكۈچى ھېسابلىنىدۇ. مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، دېزىنفېكسىيىلەشكە، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئېتەك

  • ئېتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىيىمنىڭ ئاستىنقى كەڭ تەرىپى:[مىسال:] ياقىلار ئېتەك بولدى، ئېتەكلەر ياقا بولدى (ماقال). * كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② تاغنىڭ تۈز يەرگە يېقىن قىسمى، تاغنىڭ تۆۋەن تەرىپى:[مىسال:] بىرقانچە ۋاقىتتىن كېيىن ھاتەم بىر تاغ ئېتىكىدە ئارام ئالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەۋەلىكىدىكى زېمىن، يەر؛ باغىر:[مىسال:] ۋەتەن ئېتىكى. * مەن يەكەن، قاغىلىقنىڭ ئېتەكلىرىگە بېرىپ سەھرالارنى ئايلىنىپ يۇرتداشلار بىلەن كۆرۈشتۈم.

ئېتەك سالدى قىلماق

  • ئېتەك سالدى قىلماق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يىغىش قىلماق، پۇل ياكى نەرسە كېرەكلەرنى چىقىرىشماق.

ئېتەك ياپماق

  • ئېتەك ياپماق[يەشمىسى:] «چاپان ياپماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ قىزغا بۆلەكچىلا ئېتەك يېپىپ كەتتىڭ، كۆڭلۈڭ چۈشۈپ قالدىمۇ قانداق

ئېتىكىنى ياپماق

  • ئېتىكىنى ياپماق[يەشمىسى:] تۇرمۇشىنى يولىغا سېلىۋالماق، ھال-كۈنىنى ياخشىلىۋالماق:[يەشمىسى:] ئېسىڭنىڭ بارىدا ئېتىكىڭنى ياپ (ماقال).[مىسال:]

ئېتىكى ئوتلۇق

  • ئېتىكى ئوتلۇق[يەشمىسى:] يۈرۈش-تۇرۇشى، گەپ-سۆزى، خۇلق-مىجەزىدىن كىشىلەر ئاسانلا سۆز چۆچەك تاپىدىغان، كىشىلەر كۆزىگە ئاسان چېلىقىدىغان، تۆھمەتكە قالىدىغان:[مىسال:] ئېتىكى ئوتلۇق ئايال. ئېتىكى ئوتلۇق بالا.

ئېتەكلەپ

  • ئېتەكلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېتىكىگە سېلىپ، ئېتىكىگە قاچىلاپ:[مىسال:] بىر توپ قىزلار باغدا ئېتەكلەپ ئالما توشۇۋاتاتتى.

ئېتەكلىك

  • ئېتەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىكى بار، ئېتىكى بولغان:[مىسال:] ئۇ قىز كەڭ ئېتەكلىك قارا ئەتلەس كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى.

ئېتنوگراف

  • ئېتنوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بىرەر مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشى، تۇرمۇش ئۆ[يەشمىسى:] رپ-ئادىتى، ماددىي ۋە مەنىۋى ھەمدە ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ رېئال ھالىتىچە كۆزىتىپ، تەتقىق قىلىدىغان شەخس.

ئېتنوگرافىيە

  • ئېتنوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① بىرەر مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، ماددىي، مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىنى بىۋاسىتە كۆزىتىش يولى بىلەن ئۆگىنىدىغان ساھە.[يەشمىسى:] ② بىرەر مىللەتنىڭ ياكى بىرەر تېررىتورىيىدىكى بىرقانچە مىللەتنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسى.

ئېتنوگرافىيىلىك

  • ئېتنوگرافىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتنوگرافىيىگە ئائىت:[مىسال:] ئېتنوگرافىيىلىك ماتېرىيال.

ئېتنولوگىيە

  • ئېتنولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسىنى ئوبيېكت قىلغان ھالدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئېتنولوگىيىلىك

  • ئېتنولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتنوگرافىيىگە ئائىت:[مىسال:] ئېتنولوگىيىلىك ئوچېرىك.

ئېتنىك

  • ئېتنىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كېلىپ چىقىش جەھەتتىن بىرەر خەلققە ئائىت ياكى خاس بولغان:[مىسال:] ئېتنىك تەركىب. ئاھالىنىڭ ئېتنىك سوستاۋى.

ئېتېن

  • ئېتېن[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئەڭ ئاددىي ئالكىن. رەڭسىز، سەل-پەل شېرىن، سۇدا ناچار ئېرىيدىغان يېنىشچان گاز. خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ، ئوكسىدلىنىش، قوشۇۋېلىش ۋە پولىمېرلىنىش قاتارلىق رېئاكسىيىلەرگە ئاسان كىرىشىدۇ. ئادەتتە چالا پىشقان مېۋىلەرنى پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە ئېتانول، ئېتانال، پولىئېتېن قاتارلىقلارنى ئېلىشتا خام ئەشيا قىلىنىدۇ.

ئېتىبار

  • ئېتىبار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە قارىتىلغان دىققەت، نەزەر؛ پەرۋا:[مىسال:] ئېتىبار قىلماق. * مۇنەۋۋەر بۇ كىشىگە ئانچە ئېتىبار بېرىپمۇ كەتمىدى.[يەشمىسى:] ② نەزەرگە ئېلىش:[مىسال:] ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن بىز ئۇنى كۈتمىدۇق.[يەشمىسى:] ③ قەدىر، قىممەت، ئىززەت:[مىسال:] سىز بالا دەردىنى تارتمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىڭىزدا ئېتىبارى يوق.[يەشمىسى:] ④ كۆڭۈل بۆلۈش:[مىسال:] مىللەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بەرمەيدىغان بولساق، مىللەتلەرنىڭ ئېتتىپاقلىقىنىمۇ ياخشىلىيالمايمىز.

ئېتىبارەن

  • ئېتىبارەن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى «-دىن، -تىن» بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، «بېرى، بۇيان، باشلاپ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەھەللىدىكىلەر ئۇنى شۇندىن ئېتىبارەن «قىزىل بۇرۇن» دەپ ئاتايدىغان بولۇشتى. * مەرھابا ئاشۇ سائەتتىن ئېتىبارەن تېخىمۇ زور غەيرەتكە كەلدى.

ئېتىبارسىز

  • ئېتىبارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىبارى يوق، ئېتىبارى بولمىغان:[مىسال:] تىلغا ئىختىيار بەرسەڭ، ئەلگە ئېتىبارسىز بولىسەن (ماقال).

ئېتىبارسىزلىق

  • ئېتىبارسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېتىبارى يوقلۇق، ئەھمىيىتى بولماسلىق:[مىسال:] ئېتىبارسىزلىق قىلماق.

ئېتىبارلىق

  • ئېتىبارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىبارى بار، ئېتىبارى بولغان:[مىسال:] ھەرقانچە ناتىق بولساڭمۇ، ئۆز بىلگىنىڭدىن ئۆزۈڭنى تۆۋەن كۆرسەت، شۇندىلا سۆزۈڭ ئېتىبارلىق بولىدۇ.

ئېتىراپ

  • ئېتىراپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر گەپ، ئىش-ھەرىكەت قاتارلىقلارنى توغرا دەپ بىلىش:[مىسال:] ئەلۋەتتە، مەن ئۆزۈمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ خالىمايمەن.

ئېتىراز

  • ئېتىراز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە، ئىش-ھەرىكەت قاتارلىقلارغا بولغان نارازىلىق، قارشىلىق:[مىسال:] ئېتىراز بىلدۈرمەك.

ئېتىرازسىز

  • ئېتىرازسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېتىراز بىلدۈرمەي، قارشىلىقسىز:[مىسال:] ئۇ بۇ پىكىرلەرنى ئېتىرازسىز قوبۇل قىلدى.

ئېتىز

  • ئېتىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان، قىر بىلەن بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن يەر:[مىسال:] تۆگە ئېتىز بۇزسا ھېچ گەپ يوق، توخۇ پالاقلىسا ۋاراڭ-چۇرۇڭ (ماقال).

ئېتىزلىق

  • ئېتىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېتىز قىلىنغان، ئېتىزغا ئايلاندۇرۇلغان يەر، ئېتىز:[مىسال:] مۇرات ھويلىنىڭ ئارقىسىدىكى ئېتىزلىقتا بېدە ئورۇۋاتقان مەسۈم ئاتىنىڭ يېنىغا كەلدى.

ئېتىز-ئېرىق

  • ئېتىز-ئېرىق[يەشمىسى:] ئېتىز ۋە ئېرىق:[مىسال:] بۇ ئەترەت كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېتىز-ئېرىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەچكە، ھوسۇلى يىللاپ ئاشتى.

ئېتىش

  • ئېتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوقۇش، ئۇرۇش، جەڭ:[مىسال:] تاڭ ئاتارغا يېقىن ئېتىش باشلاندى.

ئېتىشماق

  • ئېتىشماق[يەشمىسى:] ① «ئاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى تەرەپنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى تارىيىپ، ئېتىشىش باشلاندى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرى بىلەن تەگىشىپ قالماق، دېيىشىپ قالماق؛ جېدەللەشمەك:[مىسال:] ئۇزۇن بولدى ئۇلار ئېتىشىپ يۈرگىلى.

ئېتىشمەكⅠ

  • ئېتىشمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئەتمەكⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كۈن پېتىشى بىلەن سېپىل دەرۋازىسىنى ئېتىشىپ بىرمۇ ئىنساننى كىرگۈزمىدى.

ئېتىشمەكⅡ

  • ئېتىشمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئەتمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېتىشۋازلىق

  • ئېتىشۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوقيا، مىلتىق قاتارلىق ئېتىش قوراللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان جەڭ؛ ئۇرۇش:[مىسال:] ئەگەر راستتىنلا ئېتىشۋازلىق بولۇپ قالسا، قانداق قىلارمىز

ئېتىقاد

  • ئېتىقاد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەسلەككە، ئىدېئولوگىيىگە، كۆز قاراشقا؛ بىرەر كىم ياكى بىرەر نەرسىگە بولغان ئىشەنچ، ئۇنىڭغا باغلانغان ئۈمىد:[مىسال:] گۈل دېگەنگە گۈل بولامدۇ، قاتى-قاتى بولمىسا، يار دېگەنگە يار بولامدۇ ئېتىقادى بولمىسا.[يەشمىسى:] ② خۇداغا ياكى بىرەر غەيرىي تەبىئي كۈچكە بولغان ئىشىنىش:[مىسال:] دىنىي ئېتىقاد. ئېتىقاد قىلماق.

ئېتىقادچى

  • ئېتىقادچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر گۇرۇھ، بىرەر مەسلەك، بىرەر شەخس قاتارلىقلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشى.

ئېتىقادچىلىق

  • ئېتىقادچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېتىقاد قىلىش، چىن ئەقىدىدە تۇرۇش، ئىشىنىش.

ئېتىقادلىق

  • ئېتىقادلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىگە ئېتىقادى بار، ئېتىقادى بولغان:[مىسال:] گۈل ئېچىلسا نە بولۇر، بەرگى ئېچىلسا نە بولۇر. ئېتىقادلىق يار بىلەن، داڭلار كۆتۈرسە نە بولۇر.

ئېتىك

  • ئېتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىلگەن، تاقالغان:[مىسال:] ئىشىك ئېتىك. دېرىزە ئېتىك.

ئېتىكا

  • ئېتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى، تەرەققىياتى، كىشىلەر ھەرىكىتىنىڭ مىزانى، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە، كىشىلەرنىڭ، دۆلەتكە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەلىمات.

ئېتىكاپ

  • ئېتىكاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مەسچىت ياكى خالىي ئىبادەت ئورۇنلىرىغا كىرىۋېلىپ قىلىدىغان بىر خىل يوشۇرۇن ئىبادەت شەكلى:[مىسال:] ئېتىكاپتا ئولتۇرماق.

ئېتىكاپخانا

  • ئېتىكاپخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئېتىكاپ قىلىدىغان ئۆي:[مىسال:] تۆگىچى دەرھال مەلىكىگە بىر ئېتىكاپخانا تەييارلاپ بېرىپتۇ، مەلىكە شۇ ئېتىكاپخانىدا ئىبادەتكە مەشغۇل بوپتۇ.

ئېتىكلىك

  • ئېتىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىۋېتىلگەن، تاقىۋېتىلگەن، ئېتىلگەن:[مىسال:] سېپىل دەرۋازىسى چىڭ ئېتىكلىك ئىدى.

ئېتىكىلىق

  • ئېتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىكىغا ئائىت ياكى ئېتىكا ئاساسىدا بولغان.

ئېتىل

  • ئېتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېتان مولېكۇلىسى (CH3 CH3) دىن بىر ئاتوم ھىدروگېننى ئېلىپ تاشلىغاندا ھاسىل بولغان بىر ۋالېنتلىق رادىكال، يەنى CH3 CH-2.

ئېتىلدۇرماق

  • ئېتىلدۇرماق[يەشمىسى:] «ئېتىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېتىلما

  • ئېتىلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىلىدىغان، ئېتىلىپ چىقىدىغان:[مىسال:] ئېتىلما جىنس.

ئېتىلماق

  • ئېتىلماق[يەشمىسى:] «ئاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاينىڭ چىرايى بارغانچە جىددىي تۈس ئالدى، ئۇ خۇددى پىلىموت ئېتىلغاندەك توختىماي سۆزلەيتتى.

ئېتىلمەكⅠ

  • ئېتىلمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئەتمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۆشۈك ئېتىلمەك.

ئېتىلمەكⅡ

  • ئېتىلمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئەتمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشتىن كەلسەم، ئۆيدە تاماق ئېتىلىپ بوپتۇ.

ئېتىلېن

  • ئېتىلېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى ئالكىنلارنىڭ بىر خىلى. رەڭسىز، يېنىشچان گاز. مەززىلىك پۇراققا ئىگە. نېفىت، كوكسلاردىن پايدىلىنىپ ئېلىنىدۇ. ئۇ مۇھىم سانائەت خام ئەشياسى بولۇپ، كەپشەرلەش، مېتاللارنى كېسىش ھەم مېۋىلەرنىڭ پىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.

ئېتىلېندىئامىن

  • ئېتىلېندىئامىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] قويۇق ۋە يېپىشقاق، رەڭسىز سۇيۇقلۇق، خىمىيىۋى فورمۇلىسى H2 NCH2 CH2NH2. پۇرىقى ئامياكنىڭكىگە ئوخشايدۇ. سۇدا ۋە ئېتانولدا ئېرىيدۇ، ئېتىل ئېفىر ۋە بېنزولدا ئېرىمەيدۇ. ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى بار، ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرەلەيدۇ، شۇنىڭدەك ئانئورگانىك كىسلاتالار بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىگە تەسىر قىلىپ سۇدا ئېرىيدىغان تۇزلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بوياق، كاۋچۇكنىڭ گۈڭگۈرتلىنىشىنى تېزلەتكۈچى ماددا، دورا، ئېرىتكۈچى قاتارلىقلارنى ئېلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئېتىم

  • ئېتىم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] بىر قېتىم چېكىشكە يېتىدىغان (ناسۋال ھەققىدە):[مىسال:] بىر ئېتىم ناسۋال.

ئېتىماد

  • ئېتىماد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىشەنچ:[مىسال:] ئېتىماد باغلىماق. * ئۇنىڭغا نېچۈك ئېتىماد قىلغىلى بولسۇن.

ئېتىمولوگىيە

  • ئېتىمولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ① تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② سۆزنىڭ مەنبەسى، كېلىپ چىقىشى، مىللەت تەۋەلىكى:[مىسال:] «ئادەم» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلىماق.

ئېتىمولوگىيىلىك

  • ئېتىمولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىمولوگىيىسى بار، ئېتىمولوگىيە بېرىلگەن:[مىسال:] ئېتىمولوگىيىلىك لۇغەت.

ئېتىنىل

  • ئېتىنىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېتىن مولېكۇلىسىدىن بىر ئاتوم ھىدروگېننى چىقىرىۋەتكەندە ھاسىل بولىدىغان بىر ۋالېنتىلىق رادىكال.

ئېتىئولوگىيە

  • ئېتىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مېدىتسىنانىڭ بىر تارمىقى. كېسەللىك پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.

ئېتىيود

  • ئېتىيود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] قىيىن چېلىش ئۇسۇللىرىنى ئاساس قىلىپ، چېلىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن ئىشلەنگەن ئاھاڭلار. ئاتاقلىق كومپوزىتورلار ئىشلىگەن ئېتىيودلار كۆپ چاغلاردا بەدىئىيلىك قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ئاھاڭلار قاتارىغا كىرىدۇ.

ئېجە

  • ئېجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاچا، ھەدە.

ئېجرىق

  • ئېجرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر خىل يەرلىك ئۆسۈملۈك.

ئېجىرىم

  • ئېجىرىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىق، ئوچۇق، كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان: ئېجىرىم ئىش قىلماق.

ئېجىرىملىق

  • ئېجىرىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېنىقلىق، ئوچۇقلۇق.

ئېجىل

  • ئېجىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزئارا يېقىن، ئىناق؛ ئامراق:[مىسال:] ئېجىل بولماق. * شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارا-بارا ئېجىل بولۇشۇپ قالدى.

ئېجىللىق

  • ئېجىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىنلىق، ئىناقلىق، ئامراقلىق:[مىسال:] ئەلۋەتتە مۇنداق دوستلۇق-ئېجىللىق بىر-بىرىنى چۈشىنىشتىن كەلگەن.

ئېچىتقۇ

  • ئېچىتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر خىلى. سارغۇچ رەڭلىك، يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكىللىك. كىلېتكا يادروسى، سۇلۇق پۈۋەكچە قاتارلىقلاردا بولىدۇ. ھاراقنىڭ ۋە خېمىرنىڭ ئېچىشى ئېچىتقۇنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خىمىيىۋى ئۆزگىرىشتۇر.

ئېچىتقۇلۇق

  • ئېچىتقۇلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېچىتقۇ سېلىنغان، تەركىبىدە ئېچىتقۇ بولغان:[مىسال:] ئۇيغۇرلاردا تاماققا قوشۇپ ئېچىتقۇلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئادىتى تېخى ئومۇملاشمىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇتراتقۇلۇق، ئوت[يەشمىسى:] قۇيرۇقلۇق:[مىسال:] ھوي بۇ يەردە ئېچىتقۇلۇق قىلىپ، خەققە جېدەل تېپىپ بەرمەي ئۆز ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ.

ئېچىتماق

  • ئېچىتماق[يەشمىسى:] ① «ئېچىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مانا بۇ ئۆز قولۇم بىلەن ئۇزۇن زامان ئېچىتىپ ياسىغان شېرىن قوناق ھارىقى، دېدى ئاسىم ماڭا بىر رومكا سۇنۇپ.[يەشمىسى:] ② قۇتراتماق، كۈشكۈرتمەك:[مىسال:] ئۇ ئۇنى دەپ، بۇ بۇنى دەپ ئەركىننى قاتتىق ئېچىتماقتا.

ئېچىتىش

  • ئېچىتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار ياكى تەندىن ئايرىلغان فېرمېنتلارنىڭ قەنتلەرنى پارچىلاپ، سۈت كىسلاتاسى ياكى ئىسپىرت ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىش رولى.

ئېچىتىلماق

  • ئېچىتىلماق[يەشمىسى:] «ئېچىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] زالنىڭ بۇلۇڭلىرىدا ئاشلىق ئېچىتىلىدىغان غايەت زور ياغاچ تۇڭلار بار ئىدى.

ئېچىرقاتماق

  • ئېچىرقاتماق[يەشمىسى:] «ئېچىرقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېچىرقاشماق

  • ئېچىرقاشماق[يەشمىسى:] «ئېچىرقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېچىرقىماق

  • ئېچىرقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قورسىقى ھەددىدىن زىيادە ئېچىپ كەتمەك، ئاچ قالماق:[مىسال:] مېھمانلار ھەددىدىن تاشقىرى ئېچىرقاپ كەتكەنمۇ، لېگەندىن باش كۆتۈرمەي پولۇ بىلەنلا ھەپىلەشمەكتە ئىدى.

ئېچىشتۇرماق

  • ئېچىشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئېچىشماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] زال ئىچىنى قاپلىغان تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسى دىماغلارنى ئېچىشتۇراتتى.

ئېچىشماقⅠ

  • ئېچىشماقⅠ[يەشمىسى:] «ئاچماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېچىشماقⅡ

  • ئېچىشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يارىلانغان ياكى جاراھەتلەنگەن جاي مەلۇم بىرنەرسىنىڭ تەسىرىدىن كۆيۈپ ئاغرىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئوق تەگكەن يېرى ئېچىشىپ ئاغرىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، روھىي ئازاب-ئوقۇبەت تارتماق:[مىسال:] قىزىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ بەختىنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىدىماي قالماق:[مىسال:] بىر تاۋاق ئالتۇنغا پادىشاھنىڭمۇ بىر يەرلىرى ئېچىشقانىكەن، ئارتۇقچە گەپ قىلماپتۇ.

ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپمەك

  • ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپمەك[يەشمىسى:] ① كۈشكۈرتمەك، قۇتراتماق:[مىسال:] ئىچىشقان يەرگە تۇز سېپىپ نېمەقىلىسەن، گەپ بىلەن ئەپلەشتۈرۈپ قويغىنىمىز ياخشى.[يەشمىسى:] ② ئاچچىق، خاپىلىق، غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەمنى تېخىمۇ ئېغىرلاتماق، كۈچەيتمەك:[مىسال:] ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەندەك، بۇ گەپ مەدىكارلارنىڭ سۆڭەك-سۆڭىكىدىن ئۆتتى.

ئېچىق

  • ئېچىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ ئېتىزلارغا سۇ باشلايدىغان ئېغىزى:[مىسال:] بىز ئېچىق ئېتىش ئۈچۈن قومۇرۇپ كۆتۈرگەن چىمنى ئىككى-ئۈچ ئادەم كۆتۈرەلمەيدىغان ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېچىلغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئوچۇق.

ئېچىقسىز

  • ئېچىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىيىمنى ئاۋايلاپ كىيمەيدىغان (ئاياللار ھەققىدە).

ئېچىقلىق

  • ئېچىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېچىۋېتىلگەن، ئوچۇق:[مىسال:] ئارقا دېرىزىدىكى پەردىنىڭ بىر پارچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، دېرىزە ئېچىقلىق تۇراتتى.

ئېچىلدۇرماق

  • ئېچىلدۇرماق[يەشمىسى:] «ئېچىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېچىلدۇردۇق مەڭگۈ توزىماس، چىن دوستلۇقنىڭ بىر جۈپ گۈلىنى. يېتىلمەكتە پەرزەنتلىرىمىز بىر-بىرىنىڭ تۇتۇپ قولىنى.

ئېچىلما

  • ئېچىلما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېچىلغان، ئېچىلىدىغان:[مىسال:] ئېچىلما بايلىقلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاغ جىنسى، يەر قاتلاملىرى، كان تومۇرلىرى ۋە كان ياتمىلىرىنىڭ يەر ئۈستىگە ئېچىلغان قىسمى. ئېچىلما كان ياتمىسى مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچىسىدۇر.

ئېچىلماق

  • ئېچىلماق[يەشمىسى:] ① «ئاچماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىك ئېچىلىپ كىمدۇر بىرى كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② غۇنچە ۋە پورەك گۈل كاسسىسىدا يېيىلىپ ئاشكارا بولماق، كۆركەم ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] گۈل سەھەردە ئېچىلار، خىيال كېچىدە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ بۇلۇتلار تاراپ ئاسمان ئېنىق كۆرۈنمەك:[مىسال:] ھاۋا ئېچىلدى.[يەشمىسى:] ④ خاپىلىقى، قەھرى-غەزىپى يوقالماق، كەيپىياتى يۇقىرى ئۆرلىمەك:[مىسال:] رەنا ئارسلاننى كۆرۈپ بىردىن چىرايى ئېچىلىپ، خۇشاللىقىدىن سەكرىگىنىچە كېلىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.[يەشمىسى:] ⑤ ھۆسنىگە-ھۆسن قوشۇلماق، تېخىمۇ گۈزەل، كۆركەم بولماق، ياراشماق:[مىسال:] بۇنى كىيىۋىدىڭ چىرايىڭ تېخىمۇ ئېچىلىپ كەتتى.

ئېچىلىپ-يېيىلىپ

  • ئېچىلىپ-يېيىلىپ[يەشمىسى:] كەڭتاشا، ئازادە، قورۇنماي؛ ئوچۇق-يورۇق:[مىسال:] قېنى پەلتويىڭلارنى سېلىپ ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرۇڭلار.

ئېچىماق

  • ئېچىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورگانىك ماددىلار مىكرو ئورگانىزملار تەسىرىدە پارچىلىنىپ ئۆزگەرمەك؛ سېسىماق، بۇزۇلماق:[مىسال:] خېمىر ئېچىماق.

ئېچىنارلىق

  • ئېچىنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ رەھمىنى كەلتۈرىدىغان، ئادەمنى ئېچىندۇرىدىغان، ئېچىنىشلىق:[مىسال:] ھەي... مۇشۇنداق ئېچىنارلىق ئاقىۋەتنىڭ بولۇشىنى زادىلا ئويلىماپتىمەن.

ئېچىندۇرماق

  • ئېچىندۇرماق[يەشمىسى:] «ئېچىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ھالى كىشىنى ئېچىندۇراتتى.

ئېچىنماق

  • ئېچىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىچ ئاغرىتماق، كۆيۈنمەك، رەھمى كەلمەك:[مىسال:] قاسساپنىڭ ھالىغا ئېچىنغان خالايىق بۇ قانداق ئەھۋال دەپ تەرەپ-تەرەپتىن ۋارقىراشتى.

ئېچىنىشلىق

  • ئېچىنىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ رەھمىنى كەلتۈرىدىغان، ئېچىندۇرىدىغان، ئېچىنارلىق:[مىسال:] چولپاننىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلغانىدى.

ئېچىنىشماق

  • ئېچىنىشماق[يەشمىسى:] «ئېچىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەي، بىچارە قىز دەپ ئېچىنىشتى ھېلىقى قىزلار.

ئېچىئۇرىدا

  • ئېچىئۇرىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «ئېچئۇرىدا قۇرتى»غا قاراڭ.

ئېچىئۇرىدا قۇرتى

  • ئېچىئۇرىدا قۇرتى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ بىر كلاسى. تاق جىنسلىق، تېنى ئۇزۇن كاناي شەكلىدە، بوغۇمى يوق. ئاز بىر قىسمىنىڭ قىلچىقلىرى بولىدۇ. دېڭىز ئاستىدىكى پاتقاقلىقلاردا ياشايدۇ.

ئېخ

  • ئېخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] سۆيۈنۈش، زوقلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئېخ گۈزەل دۇنيا. * ئېخ بىپايان زېمىن.

ئېخىنوكوك

  • ئېخىنوكوك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئىت تاسمىسىمان مەددە قۇرتىنىڭ لىچىنكىلىرى تەرىپىدىن قوزغىتىلىدىغان پارازىت كېسەللىك. يېتىلگەن قۇرت ئىت ئۈچىيىدە ياشاپ، تۇخۇملىرى تەرەت بىلەن بىللە سىرتقا چىقىرىلىدۇ. قۇرت تۇخۇمى بىلەن بۇلغانغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئادەم ياكى ئۆي ھايۋانلىرى يۇقۇملىنىدۇ. قۇرت تۇخۇملىرى جىگەر ياكى ئۆپكىگە ئورۇنلىشىپ، جىگەرنى زورايتىدۇ، جىگەر دائىرسى ئاغرىيدۇ ياكى يۆتىلىدۇ. ئادەتتە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئېدەر

  • ئېدەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇغقان ئايالنىڭ ئۆزىنى ئاسراپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېتىدىغان قىرىق كۈنلۈك پەرھىز ۋاقتى:[مىسال:] ئېدەر تۇتماق. ئېدەر ۋاقتى.

ئېدەر تۇتماق

  • ئېدەر تۇتماق[يەشمىسى:] تۇغقان ئايال سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگىچە قىرىق كۈن پەرھىز تۇتماق.

ئېدەر سالماق

  • ئېدەر سالماق[يەشمىسى:] بالا تۇغۇلغان ئۆيگە بەلگە ئۈچۈن ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويماق.

ئېدەر قىلماق

  • ئېدەر قىلماق[يەشمىسى:] بالا تۇغۇلۇپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، جامائەتنى چاقىرىپ ياغ پۇرىتىپ بالىغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىمەك.

ئېدەر ۋاقتى

  • ئېدەر ۋاقتى[يەشمىسى:] بالا تۇغۇلۇپ قىرىق كۈن بولغۇچە بولغان ۋاقىت.

ئېدېس

  • ئېدېس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «ئېدېس پاشىسى»غا قاراڭ.

ئېدېس پاشىسى

  • ئېدېس پاشىسى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پاشىنىڭ بىر خىلى. يېتىلگىنىنىڭ رەڭگى قارا ياكى قوڭۇر، پۇتىدا ئاق رەڭلىك يوللىرى بولىدۇ، قانىتىدا داغلىرى بولمايدۇ. توختىغاندا تېنى توختىغان جايدىكى تەكشىلىك بىلەن پاراللېل ھالەتكە كېلىدۇ. لىچىنكىسى ۋە قورچىقى دەرەخ كامارلىرى ۋە ئويمان جايلاردىكى يىغىلىپ قالغان سۇ كۆلچەكلىرىدە ياشايدۇ. تۇخۇمى سۇ ئاستىغا تارقاق ھالەتتە تىنىپ قالىدۇ. ئادەتتە ئۇ تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ۋاستىچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئېدىت

  • ئېدىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھېساب، سان:[مىسال:] ھازىر بوزلۇق ئىچىدە ئوسا قىلىنىۋاتقان يەرنىڭ ئېدىتى يوق.

ئېدىتلاتماق

  • ئېدىتلاتماق[يەشمىسى:] «ئېدىتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېدىتلاشماق

  • ئېدىتلاشماق[يەشمىسى:] «ئېدىتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆلگەن چېرىكلەرنى ئېدىتلىشىپ كۆرۈۋىدى توپتوغرا ئۈچ مىڭ چىقتى.

ئېدىتلانماق

  • ئېدىتلانماق[يەشمىسى:] «ئېدىتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېدىتلىق

  • ئېدىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سان-سانىقى ئېلىنغان، ھېساب-كىتاب قىلىنغان:[مىسال:] ئېدىتلىق ئىش بۇزۇلماس (ماقال).

ئېدىتلىماق

  • ئېدىتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھېسابلىماق، سانىنى ئالماق:[مىسال:] ھاكىم زىندانبېگى، پايلاقچى ۋە گۇندىپايلارنى ئېدىتلاپ چىقتى.

ئېدىر

  • ئېدىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەكشىلىككە نىسبەتەن ئېگىز يەر، تۆپىلىك؛ ئېگىزلىك:[مىسال:] ئېلىمىزدە تاغلىق رايون، ئېدىرلىقلارنىڭ كۆلىمى كەڭ بولۇپ، مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ % 60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

ئېدىرلىق

  • ئېدىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېدىر كۆپ شەكىللەنگەن، ئېدىر كۆپ جاي:[مىسال:] تىك كۆتۈرۈلگەن قۇياشنىڭ تەپتىدە ئېدىرلىق قىزىپ كەتكەنىدى.

ئېرا

  • ئېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] خەلقئارا گېئولوگىيە يىلنامىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك گېئولوگىيىلىك دەۋر بىرلىكى.

ئېراتيوم

  • ئېراتيوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىر دەرىجە بىرلىكى.

ئېرەكتە

  • ئېرەكتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەر.

ئېرەم

  • ئېرەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان گۈزەل بىر باغنىڭ نامى:[مىسال:] نە ئىمىش بوستان، ئېرەمدۇر بارچە شاد يايرايدىغان، شىرنىسى بالدەك ئۈزۈمنى ياغ كەبى چاينايدىغان.

ئېرەنⅠ

  • ئېرەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىسەنت؛ نەزەر، ئېتىبار: ئېرەن قىلماسلىق.

ئېرەنⅡ

  • ئېرەنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ھامامېلىس چاتقىلى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۈچكە يېرىلغان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گىرۋەكلىرىدە ھەرىنىڭكىدەك چىشلىرى بولىدۇ، كۈز پەسلىدە قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. گۈلى سارغۇچ قوڭۇر، مېۋىسى قاناتلىق مېۋە. دەرىخىدىن ئېلىنغان ماينى دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئېرەنسىز

  • ئېرەنسىز[مىسال:] سۈپ[يەشمىسى:] پىسەنت قىلمايدىغان؛ نەزەرگە، ئېتىبارغا ئالمايدىغان: ئېرەنسىز.

ئېرەنسىزلىك

  • ئېرەنسىزلىك[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىسەنت قىلماسلىق، نەزەرگە، ئېتىبارغا ئالماسلىق. ئادەم.

ئېرەنشىمەك

  • ئېرەنشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭۈل بۆلمەك، پىسەنت قىلماق:[مىسال:] ئۇ بۇ ئىشلارغا ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىدى.

ئېرەنلىك

  • ئېرەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېرەن كۆپ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس، ئېرەنلىكتە ئات ئۆلمەس (ماقال).

ئېربىي

  • ئېربىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>شۋېد[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى Er(Erbium). بىر خىل سېرەك مېتال بولۇپ، كۈمۈشتەك پارقىرايدۇ، سۇنى پارچىلىيالايدۇ.

ئېرپان

  • ئېرپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى، مەدەنىيىتىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان تەلىم-تەربىيە؛ مەرىپەت، مائارىپ:[مىسال:] ئىلىم-بىلىم مەنبەسى نۇرى ئېرپاندۇر كىتاب، تېخنىكىسىنىڭ خەزىنىسى كەڭرى ئىمكاندۇر كىتاب.

ئېرتماق

  • ئېرتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۈرتكۈچ، لاتا، قەغەز قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن نەرسىلەرنى سۈرتۈپ تازىلىماق، سۈرتمەك:[مىسال:] قول ئېرتماق. دېرىزە ئېرتماق. جوزا ئېرتماق.

ئېرتىشماق

  • ئېرتىشماق[يەشمىسى:] «ئېرتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېرتىلماق

  • ئېرتىلماق[يەشمىسى:] «ئېرتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جوزا-ئورۇندۇقلار پاكىز ئېرتىلغانىدى.

ئېرسال

  • ئېرسال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەۋەتىش، يوللاش:[مىسال:] ئىشق باغىدىن بارار بۇ نامە ئېرسالىم ساڭا، شۇ بىلەن بولغاي ئايانكىم نامۇئەمالىم ساڭا.

ئېرسالنامە

  • ئېرسالنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پالنامە، پال ھەققىدە يېزىلغان پۈتۈك.

ئېرگ

  • ئېرگ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سانتىمېتىر، گرام، سېكۇنت سىستېمىسىدىكى ئىش بىلەن ئېنېرگىيىنىڭ بىرلىكى. بىر ئېرگ دېگىنىمىز بىر دىنا كۈچ جىسىمنى كۈچ يۆنىلىشىدە بىر سانتېمېتىر ئارىلىققا يۆتكىگەندە ئىشلىگەن ئىشقا تەڭ بولىدۇ.

ئېروگلىف

  • ئېروگلىف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قەدىمكى مىسىرلىقلار ۋە بەزى خەلقلەر يېزىقىدا پۈتۈن بىر چۈشەنچە، ئىبارە، سۆز، بوغۇم، ياكى تاۋۇشنى ئىپادىلىگەن، ھايۋان، ئادەم، ھەر خىل بۇيۇم ئەسۋاب ۋە شۇ قاتارلىقلار تەسۋىرىدىن ئىبارەت بولغان بەلگە.

ئېروگلىفلىق

  • ئېروگلىفلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېروگلىفقا ئىگە:[مىسال:] ئېروگلىفلىق يېزىق.

ئېروگلىفلىق يېزىق

  • ئېروگلىفلىق يېزىق[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇقۇم ئۇقتۇرۇلىدىغان يېزىق. ئۇنىڭ ھەربىر خېتىنىڭ مۇقىم ئوقۇلۇشى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا رەسىملىك يېزىققا ئوخشايدۇ.

ئېرونىيە

  • ئېرونىيە[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ھەجۋىينىڭ ياكى ھەزىل، يۇمۇرنىڭ بىر خىل كۆرۈنۈشى، ئۇ يەنە ئۆز مەنىسىدىن كۆچۈرۈلگەن سۆزلەرنىڭمۇ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭدا سۆز، ئىبارە ئەكسىچە مەنىدە، يەنى قارىمۇقارشى ھالەتتە كېلىدۇ.

ئېرۇر

  • ئېرۇر[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. كونا[يەشمىسى:] «بولار، بولىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆز:[مىسال:] تۇغۇلۇپ قوينۇڭدا ئۆستۈم شىر يۈرەك ئوغلان بولۇپ، شۇ سەۋەب قەلبىمدە پەخرىم، شادلىقىم فونتان ئېرۇر.

ئېرىت

  • ئېرىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] كۆزنىڭ رەڭدار پەردىسى ياللۇغلىنىش كېسەللىكى.

ئېرىترومىتسىن

  • ئېرىترومىتسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئانتىبئىوتىك دورىلارنىڭ بىر خىلى، يەنى ئاق ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك كرىستال. ئادەتتە ئۇ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، بوغما تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۆپكە ياللۇغى، قوش شارسىمان باكتېرىيە قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشىغا قارىتا داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئېرىتكۈچ

  • ئېرىتكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] باشقا خىل ماددىلارنى ئېرىتىدىغان سۇيۇقلۇق. مەسىلەن، سۇ بىر خىل ئېرىتكۈچ بولۇپ، قەنت، ئاش تۇزى قاتارلىق ماددىلارنى ئېرىتىپ ئېرىتمە ھاسىل قىلىدۇ.

ئېرىتكۈچى

  • ئېرىتكۈچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېرىتىش رولىنى ئوينايدىغان، ئېرىتىدىغان:[مىسال:] ئېرىتكۈچى مەنبەلىك باكتېرىيە. ئېرىتكۈچى ۋىرۇس.

ئېرىتمە

  • ئېرىتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ سۇيۇقلۇقتا ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان تەكشى ھالەتتىكى ئارىلاشما. مەسىلەن، قەنت سۇدا ئېرىپ قەنت ئېرىتمىسىنى (قەنت سۈيىنى) ھاسىل قىلغىنىغا ئوخشاش. پەن-تېخنىكىدا ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ماددىلاردىن تەركىب تاپقان تەكشى ئارىلاشما كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئېرىتمەك

  • ئېرىتمەك[يەشمىسى:] «ئېرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۇز ئېرىتمەك. مۇز ئېرىتمەك. * ياخشى گەپ تاشنى ئېرىتىدۇ (ماقال).

ئېرىتىلمەك

  • ئېرىتىلمەك[يەشمىسى:] «ئېرىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېرىش

  • ئېرىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] قاتتىق، سۇيۇق ۋە گاز ھالەتتىكى ماددا مولېكۇلىلىرىنىڭ باشقا سۇيۇقلۇق ئىچىگە تەكشى تارقىلىشى. مەسىلەن، شېكەرنىڭ قاچىدىكى سۇنى شېكەر سۈيىگە ئۆزگەرتكىنىگە ئوخشاش.

ئېرىش نۇقتىسى

  • ئېرىش نۇقتىسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كرىستال ماددىلارنىڭ ئېرىگەن چاغدىكى تېمپېراتۇرىسى. ئوخشاش بولمىغان كرىستاللارنىڭ ئېرىش نۇقتىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ۋولفرامنىڭ ئېرىش نۇقتىسى ℃3410، تۆمۈرنىڭ ℃1535، مۇزنىڭ ℃0.

ئېرىشتۈرمەك

  • ئېرىشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئېرىشمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەك. غەلىبىگە ئېرىشتۈرمەك.

ئېرىشچان

  • ئېرىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان ئېرىيدىغان، ئاسان ئېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئېرىشچان ماددا.

ئېرىشچانلىق

  • ئېرىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھەر خىل ماددىلارنىڭ ئېرىتكۈچتە ئېرىش خۇسۇسىيىتى. ئەگەر ئۆي تېمپېراتۇرىسىدىكى يۈز گرام سۇدا بىرەر ماددا ئون گرامدىن ئارتۇقراق ئېرىسە، بۇنداق ماددا ئېرىشچان ماددا؛ بىر گرامدىن كەمرەك ئېرىسە، تەستە ئېرىيدىغان ماددا؛ 01.0 گرامدىن كەمرەك ئېرىسە، ئەمەلىي جەھەتتىن ئېرىمەيدىغان ماددا دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېرىشمە

  • ئېرىشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېرىشكەن ياكى ئېرىشىدىغان:[مىسال:] ئېرىشمە ئىممۇنىتېت.

ئېرىشمەكⅠ

  • ئېرىشمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئېرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېرىشمەكⅡ

  • ئېرىشمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر ئىشتا كۆزلىگەن نىشانغا يەتمەك، قولغا كەلتۈرمەك، ئىگە بولماق:[مىسال:] ئىنقىلاب غەلىبىگە ئېرىشتى.

ئېرىشىلمەك

  • ئېرىشىلمەك[يەشمىسى:] «ئېرىشمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېرىغ

  • ئېرىغ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساپ، پاكىز، تازا:[مىسال:] ئېرىغ مال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، ساپلا:[مىسال:] ئېرىغ ئۇششاق بالىلار كەپتۇ.

ئېرىغ مال

  • ئېرىغ مال[يەشمىسى:] ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق قىممەت باھالىق نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ كېنىزەك قىز بەرگەن پۇل بىلەن ئېرىغ مالنى يانچۇقىغا ساپتۇ.

ئېرىغداتماق

  • ئېرىغداتماق[يەشمىسى:] «ئېرىغدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېرىغداشماق

  • ئېرىغداشماق[يەشمىسى:] «ئېرىغدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېرىغدالماق

  • ئېرىغدالماق[يەشمىسى:] «ئېرىغدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھويلا ئارام پاكىز ئېرىغدالدى.

ئېرىغدىماق

  • ئېرىغدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تازىلىماق، پاكىزلىماق:[مىسال:] قېرىننى ئېرىغداپ ئاندىن قازانغا سالدىم.

ئېرىق

  • ئېرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قول بىلەن قېزىلغان، ئۆستەڭدىن كىچىك سۇ يولى:[مىسال:] ئېرىق چاپماق. * يوققا نېمە يوق-ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق (ماقال). * ئېرىقتىكى سۇنىڭ قەدرى يوق (ماقال).

ئېرىقچە

  • ئېرىقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ئېرىق:[يەشمىسى:] باغدىكى ئېرىقچىلاردا سۈزۈك سۇلار شىلدىر[مىسال:] لاپ ئاقماقتا ئىدى.

ئېرىقشىماق

  • ئېرىقشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قېرىشماق، تاكاللاشماق.

ئېرىق-ئۆستەڭ

  • ئېرىق-ئۆستەڭ[يەشمىسى:] ئېرىق ۋە ئۆستەڭ:[مىسال:] بۇ يېزا ئېرىق-ئۆستەڭ ياقىلىرىغا جىرىم تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

ئېرىك

  • ئېرىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتىلىق جىنسى ئېلىپ تاشلانغان، ئەركەكلىك ئىقتىدارى يوقىتىلغان، پىچىۋېتىلگەن قوي.

ئېرىگۈچى

  • ئېرىگۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، ئېرىيدىغان:[مىسال:] ئېرىگۈچى ماددا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېرىتكۈچتە، ئېرىگەن ماددا. مەسىلەن، ئاش تۇزى سۇدىكى ئېرىتمىسىدە ئېرىگۈچى بولىدۇ.

ئېرىڭاي

  • ئېرىڭاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالتە بارماقلىق ئادەم.

ئېرىمە

  • ئېرىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېرىيدىغان:[مىسال:] ئېرىمە ئازگال. ئېرىمە جىرا. ئېرىمە غار.

ئېرىمەك

  • ئېرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاتتىق ھالەتتىن سۇيۇق ھالەتكە ئايلانماق:[مىسال:] كۈن كۆتۈرۈلگەنسېرى يەر-جاھان ئىسسىپ، قار-مۇزلار ئېرىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭلى يۇمشىماق، خاپىلىقى كۆتۈرۈلۈپ كەتمەك، رەھىمدىل بولماق:[مىسال:] ئۇ بىردىنلا ئېرىپ خۇشخۇي بولۇپ قالدى.

ئېرىنچەك

  • ئېرىنچەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىش خۇش ياقمايدىغان، ئىشقا خۇشى يوق؛ ھۇرۇن، يالقاۋ:[مىسال:] ئېرىنچەك ئادەم. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىش خۇشياقمايدىغان، ھۇرۇن ئادەم:[مىسال:] ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس (ماقال).

ئېرىنچەكلىك

  • ئېرىنچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۇرۇنلۇق، رايى بارماسلىق، ئىش خۇشياقماسلىق:[مىسال:] پەزىلەت ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزىنى ئېچىپ سىڭلىسىغا قارىدى.

ئېرىنمەك

  • ئېرىنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىش خۇشياقماسلىق، قىلىشنى خالىماسلىق، ئېرىنچەكلىك، يالقاۋلىق قىلماق:[مىسال:] مېڭىشقا ئېرىنسەڭ، كېيىن يۈگۈرىسەن (ماقال). * ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزۈڭنى كىم قىلار (ماقال).

ئېزىتقۇ

  • ئېزىتقۇ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرادىكى نۇرنىڭ سۇنۇشى تەسىرىدە شەكىللىنىدىغان بىر خىل تەبىئىي ھادىسە. بۇ ۋاقىتتا، ھاۋا ياكى يىراق جايدىكى نەرسىلەرنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە كۆپىنچە يازدا دېڭىز بويىدىكى جايلار ياكى چۆللەردە پەيدا بولىدۇ. بۇرۇنقى كىشىلەر ئۇنى خاتا ھالدا جىن-شاياتۇنلارنىڭ كىشىلەرنى ئازدۇرۇشى ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھىيلىسى دەپ قاراپ كەلگەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇراپىي چۈشەنچىدە كىشىلەرگە ئۇچرايدىغان جىن، ئالۋاستى:[مىسال:] ئېزىتقۇغا ئۇچرىماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئازدۇرىدىغان:[مىسال:] سەن بۇ ئېزىتقۇ گەپلىرىڭ بىلەن مېنى ھەرگىزمۇ ئالدىيالمايسەن.

ئېزىتقۇلۇق

  • ئېزىتقۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئازدۇرۇش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] ئېزىتقۇلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

ئېزىق

  • ئېزىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئارقىسى ھەم ئىككى تەرىپىدە بولىدىغان چىش. ئۇنىڭ قالپىقىدا سۆڭەككە ئوخشاش بۆرتمىلىرى بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى ئۇۋىتىشقا ماسلاشقان. ئادەملەرنىڭ ئېزىق چىشى ئاستى-ئۈستى جاغدا ئالتىدىن بولىدۇ.

ئېزىقتۇرغۇچى

  • ئېزىقتۇرغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنى يولدىن ئازدۇرىدىغان كىشى.

ئېزىقتۇرماق

  • ئېزىقتۇرماق[يەشمىسى:] «ئېزىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ، دۈشمەننى بىر ئامال قىلىپ ئېزىقتۇرۇپ دەريادىن ئۆتۈۋالماقچى بولدى.

ئېزىقماق

  • ئېزىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆز نىشانىنى پەرق ئېتەلمەي قالماق؛ ئازماق، ئاداشماق:[مىسال:] بۇ يىگىتلەر تاغنىڭ ئوي-چوڭقۇرىنى ئاڭقىرالماي ئېزىقىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان يولغا كىرىپ قالماق، ناتوغرا ئىشلارنى قىلىپ قويماق:[مىسال:] بالا ئەمەسمۇ ئېزىقىپتۇ، بۇندىن كېيىن تۈزەتسىلا بولدى، دېدى بوۋاي.

ئېزىقىشماق

  • ئېزىقىشماق[يەشمىسى:] «ئېزىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تاغ ئىچىدە ئېزىقىشىپ يولنى تاپالماي قېلىپتۇ.

ئېزىلەڭگۈ

  • ئېزىلەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① گەپنى سوزۇپ، ئىنجىقلاپ قىلىدىغان؛ مىس-مىس:[مىسال:] مەخسۇت بەگ مۇنداق ئېزىلەڭگۈ سۆھبەتنى ياقتۇرمايتتى.[يەشمىسى:] ② ئېزىلىپ، لاغايلاپ يۈرىدىغان؛ بوشاڭ، ئەزمە، ھۇرۇن:[مىسال:] ئېزىلەڭگۈنىڭ ئىشى ئاۋۇماس (ماقال).

ئېزىلەڭگۈلۈك

  • ئېزىلەڭگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوشاڭلىق، ئەزمىلىك، ھۇرۇنلۇق:[مىسال:] ئېزىلەڭگۈلۈك قىلماق.

ئېزىلدۈرمەك

  • ئېزىلدۈرمەك[يەشمىسى:] «ئېزىلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېزىلگۈچى

  • ئېزىلگۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئېزىشىگە، قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلار تەرىپىدىن ئېزىلگەن، قۇل قىلىنغان:[مىسال:] ئېزىلگۈچى سىنىپ.

ئېزىلمەك

  • ئېزىلمەك[يەشمىسى:] ① «ئەزمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئېزىلگەن شاپتۇللارنىڭ سۇلىرى غۇپۇرنىڭ كىيىملىرىنى شالتاق قىلىۋەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② «ئەزمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ دائىم ئىشى يوق ئادەمدەك ئېزىلىپ يۈرىدىغان بىرنېمە.

ئېزىلىشمەك

  • ئېزىلىشمەك[يەشمىسى:] «ئېزىلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېسەدەشمەك

  • ئېسەدەشمەك[يەشمىسى:] «ئېسەدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېسەدىمەك

  • ئېسەدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىنى باسالماي ئىچى-ئىچىدىن يىغلىماق، ئۆپكىلىمەك:[مىسال:] ئېسەدەپ يىغلىماق. * ئۇ بىرھازادىن كېيىن يىغىسىنى ئاران توختىتىپ ئېسەدەپ سۆزلەشكە باشلىدى.

ئېسەكىمەك

  • ئېسەكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۈگدەك ياكى چالا ئۇيقۇلۇق ھالەتتە تۇرۇپ، ئىختىيارسىزلا بىرنېمىلەرنى دەپ كەتمەك ياكى ئېسەدەپ كەتمەك.

ئېسەلەنمەك

  • ئېسەلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جىن چېپىلماق، جىن-شەيتانلارنىڭ چاپلىشىۋېلىشىغا دۇچار بولماق.

ئېسەنⅠ

  • ئېسەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاغرىق-سىلاقتىن تازا، سالامەت، ساق:[مىسال:] ئۆي ئىچى، بالا-چاقىلىرى ئېسەندۇ

ئېسەنⅡ

  • ئېسەنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېلەر يىل، كېلىدىغان يىل:[مىسال:] ئېسەندە قەشقەرگە بارىمىز.

ئېسەنچىلىك

  • ئېسەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئامانلىق، تىنچلىق:[مىسال:] ئېسەنچىلىك بولسا، كېلەر يىل جەنۇبىي شىنجاڭنى بىر ئايلىنىپ كېلىش نىيىتىم بار.

ئېسەنگىرەتمەك

  • ئېسەنگىرەتمەك[يەشمىسى:] «ئېسەنگىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادىلجاننىڭ بۇ گېپى قادىر بوۋاينى ئېسەنگىرىتىپ قويدى.

ئېسەنگىرەشمەك

  • ئېسەنگىرەشمەك[يەشمىسى:] «ئېسەنگىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېسەنگىرىمەك

  • ئېسەنگىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھودۇقماق، گاڭگىرىماق، ساراسىمىگە چۈشمەك، ئېسىنى يوقاتماق:[مىسال:] ۋاڭ دارىن ئېسەنگىرەپ غال-غال تىترەپ كەتتى.

ئېسەنلەشمەك

  • ئېسەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېسەنلىك سورىماق، ھال-ئەھۋال سورىماق:[مىسال:] ئۇلار باش لىڭشىتىپلا ئېسەنلەشتى.

ئېسەنلىكⅠ

  • ئېسەنلىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساق-سالامەتلىك، ئامانلىق؛ تىنچلىق، ئاسايىشلىق، بىخەتەرلىك:[مىسال:] ئۆزلىرىمۇ ئوبدان تۇردىلىمۇ ئايىمخان دەپ، مومايدىن ئېسەنلىك سورىدى تاشمەت ئاكا.

ئېسەنلىكⅡ

  • ئېسەنلىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېلەر يىل بولىدىغان، كېلەر يىل قىلىنىدىغان:[مىسال:] ئېسەنلىك ئىش.

ئېسەنلىككە

  • ئېسەنلىككە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كېلەر يىلى:[مىسال:] ئاكامنىڭ تويىنى ئېسەنلىككە قىلىمىز.

ئېسپېرانتو

  • ئېسپېرانتو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] دۇنيا تىلى، بۇ تىل پولشىلىق ل. ل. زامىنخوپ(1917 1859) تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغان سۈنئىي تىل بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى ئالاقىسىنى ئاسانلاشتۇرۇشئۈچۈن لايىھىلەنگەن.

ئېستېتىزم

  • ئېستېتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① گۈزەللىكنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش.[يەشمىسى:] ② گۈزەللىكنى، ئېستېكىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش، گۈزەللىككىلا چوقۇنۇش؛ گۈزەللىك ھەممىدىن مۇھىم دەيدىغان قاراش.

ئېستېتىكا

  • ئېستېتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى گۈزەللىكنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئاساسلىقى گۈزەللىكنىڭ ماھىيىتى، سەنئەت بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

ئېستېتىكىلىق

  • ئېستېتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېستېتىكىغا ئائىت، ئېستېتىكىغا خاس:[مىسال:] ئېستېتىكىلىق كۆزقاراش.

ئېستېر

  • ئېستېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىر تۈرى. تۆۋەن دەرىجىلىك ئېستېرلار خۇش پۇراق، ئۇچۇشچان سۇيۇقلۇق؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېستېرلار موم ھالەتتىكى قاتتىق ماددا ياكى ئىنتايىن يېپىشقاق سۇيۇقلۇقتۇر. ئادەتتە ئۇ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان مايلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

ئېستېرلىماق

  • ئېستېرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئالكوللار بىلەن كىسلاتالارنى ئۆزئارا بىر-بىرىگە تەسىرىنى ئۆتۈشتۈرۈپ ئېستېر ھاسىل قىلماق.

ئېسكۇدو

  • ئېسكۇدو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پورتۇگالىيە بىلەن موزامبىكنىڭ پۇل بىرلىكى.

ئېسكۇلۇس

  • ئېسكۇلۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېسكۇلۇس ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئۇ مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ياغىچى سارغۇچ ئاق، يوللىرى زىچ كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن نەپىس ئۆي جاھازلىرى ياسىلىدۇ.

ئېسكىموس

  • ئېسكىموس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن گرېلاندىيە، كانادا ۋە ئالياسكىدىن تارتىپ سىبىرىيىگىچە بولغان رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان.

ئېسكىموس تىلى

  • ئېسكىموس تىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئېسكىموسلار ئىشلىتىدىغان تىل. بۇ تىل قەدىمكى ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسىنىڭ ئېسكىموس ئالېئوت تىللىرى تۈركۈمىگە كىرىدۇ. گرېنلاندىيە، كانادا ۋە ئالياسكىدىن تارتىپ تاكى سىبىرىيىگىچە بولغان رايونلاردىكى ئېسكىموسلار ئارىسىدا قوللىنىلىدۇ.

ئېسىركىمەك

  • ئېسىركىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاسرىماق، ئاۋايلىماق.

ئېسىشماق

  • ئېسىشماق[يەشمىسى:] «ئاسماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېسىقلىق

  • ئېسىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېسىلغان، ئېسىپ قويۇلغان:[مىسال:] ئۇ قوزۇققا ئېسىقلىق دورا سومكىسىغا قول ئۇزاتتى.

ئېسىكىمەك

  • ئېسىكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۇشايمان قىلماق، ئەپسۇسلانماق.

ئېسىل

  • ئېسىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت جەھەتتە ئالاھىدە ياخشى، ئەڭ ئوبدان:[مىسال:] ئېسىل بۇيۇم. ئېسىل مال.[يەشمىسى:] ② ياخشى خىسلەت ۋە پەزىلەتكە ئىگە بولغان، ئالىيجاناب:[مىسال:] ئېسىل ئادەم. ئېسىل ئايال. * بۇ كىشى بەك ئېسىل ئادەم ئىكەن.

ئېسىلدۇرماق

  • ئېسىلدۇرماق[يەشمىسى:] «ئېسىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باخشى كېسەل كىشىنى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇغقا ئېسىلدۇرۇپ، قىبلىگە قارىتىپ يۈكۈندۈرۈپ قويغانىدى.

ئېسىلزادە

  • ئېسىلزادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] باي ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ پەرزەنتى ۋە شۇ تەبىقىدىن كېلىپ چىققان كىشى:[مىسال:] بىزنىڭ ئۆيگە ئەزەلدىن ئۇنداق ئېسىلزادىلەر كېلىپ باقمايتتى.

ئېسىلزادىلىك

  • ئېسىلزادىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېسىلزادىلەرگە خاس خۇسۇسىيەت، خاراكتېر.

ئېسىلماق

  • ئېسىلماق[يەشمىسى:] ① «ئاسماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ دارغا ئېسىلدى. * يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن قازان ئېسىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② «ئاسماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپتۇ (ماقال). * مەن شاخ-شۇمبىلارغا ئېسىلىپ ئۆگزىگە چىقتىم.

ئېسىلىشماق

  • ئېسىلىشماق[يەشمىسى:] «ئېسىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار دادىسىغا ئېسىلىشتى.

ئېشەك

  • ئېشەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. شەكلى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئەمما ئاتتىن كىچىكرەك. بېشى يوغان، قۇلىقى ئۇزۇن، پاچاقلىرى ئىنچىكە، مەيدىسى تارراق، قۇيرۇقىدا تۈكلىرى بولىدۇ. ئادەتتە مىنىش، يۈك توشۇش قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۆيدە بېقىلىدۇ:[مىسال:] ياۋا ئېشەك. ئېشەك ھارۋىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھايانى بىلمەيدىغان ئادەم (بىھايا كىشىلەر ھەققىدە):[مىسال:] بوۋاي دەرغەزەپكە كېلىپ:[مىسال:] ھۇ ئېشەك، چىق ئۆيدىن... دېگىنىچە ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ ئىشەككە ئارتىلىدىغان يۈكنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ: لېكىن تاغ تېشىشتىن ئىش چىقارمىسا، 50 ئېشەك ئوتۇن پۇلىغا زىيان-دە، زىيان، دەپ گېپىنى تۈگەتتى.

ئېشەك بېشى تۇتمىغان

  • ئېشەك بېشى تۇتمىغان[يەشمىسى:] ئىش كۆرمىگەن، ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان:[مىسال:] نېمە بولدۇڭ ئېشەك بېشى تۇتمىغاندەك ئىش قىلىسەنغۇ شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالماي، دەپ سۆزلەپ كەتتى دادام.

ئېشەك سىزىپ، مۈڭگۈز چىقىرىپ قويماق

  • ئېشەك سىزىپ، مۈڭگۈز چىقىرىپ قويماق[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە سىغمايدىغان، قاملاشمىغان، غەلىتە ئىش قىلماق:[مىسال:] ئىش دېگەننى جايىدا قىلسا بولىدۇ، ئېشەك سىزىپ، مۈڭگۈز چىقىرىپ قويسا بولامدۇ؟

ئېشەك قۇلاق

  • ئېشەك قۇلاق[يەشمىسى:] گەپ ئاڭلىمايدىغان، كەپسىز:[مىسال:] نەگە كەتتى ھېلىقى ئېشەك قۇلاق.

ئېشەك قۇلان

  • ئېشەك قۇلان[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇلاننىڭ بىر خىلى. شەكلى قېچىرغا بەك ئوخشايدۇ. بويى پاكار، رەڭگى ئاق ئالا، سارغۇچ ئالا، سۇر، سېرىق بولىدۇ.

ئېشەك قېچىرى

  • ئېشەك قېچىرى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئايغىر بىلەن مادا ئېشەكنى چېتىشتۇرۇشتىن بولغان قېچىر.

ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب چالماق

  • ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب چالماق[يەشمىسى:] كىشىلەرگە ئۇلار چۈشەنمەيدىغان، مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭغا بۇ گەپنى قىلىش خۇددى ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب چالغاندەك بىر ئىش.

ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەردە يۈرمەك

  • ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەردە يۈرمەك[يەشمىسى:] ئۆزى خالىغان يەردە يۈرمەك:[مىسال:] نەچچە يىل ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەردە يۈرۈپ، ئالاھازەل بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تاپا-تەنىسىنى بىزگە قىلامدىكەن.

ئېشەك ئۇچىسى

  • ئېشەك ئۇچىسى[يەشمىسى:] تامنىڭ ئۈستىگە بېلىق سىرتى قىلىپ چىقىرىلغان شەكىل.

ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە بولماق

  • ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە بولماق[يەشمىسى:] ئېرىشكەن نەرسىنىڭ قىممىتىدىن سەرپ قلغان نەرسىنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتمەك:[مىسال:] قىزىق بولدى، ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە بولدى، بۇنداق بولۇشىنى بىلسەم ئالمايدىكەنمەن.

ئېشىكى تۆت چىشلىق بولماق

  • ئېشىكى تۆت چىشلىق بولماق[يەشمىسى:] ئىشى ئوڭدىن ك،، ئېشىكى تۆت چىشلىق بولۇپ، خۇشال بولۇپ كەتتى.

ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە بولماق

  • ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە بولماق[يەشمىسى:] «ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە بولماق»غا قاراڭ.

ئېشىكىنى بېقىپ، تېزىكىنى تەرمەك

  • ئېشىكىنى بېقىپ، تېزىكىنى تەرمەك[يەشمىسى:] ئۆزىگە لايىق ئىش قىلماق:[مىسال:] ئۇ نېمىلەر بۇنداق باغقا خوجايىنلىق قىلغۇچە ئېشىكىنى بېقىپ، تېزىكىنى تېرىپ يۈرسۇن.

ئېشەكچى

  • ئېشەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېشەك ئارقىلىق يۈك توشۇيدىغان كىشى.

ئېشەكچىلىك

  • ئېشەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېشەك بىلەن يۈك توشۇش ئىشى.

ئېشەكقومۇشى

  • ئېشەكقومۇشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئېشەك+قومۇش+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، كونا يىلتىزلىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يۇمران يوپۇرمىقى ۋە گۆشلۈك يىلتىزىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئېشەكقۇرتى

  • ئېشەكقۇرتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئېشەك+قۇرت+ى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنى ئېللىپس شەكلىدە، كۈل رەڭ كېلىدۇ. 1-سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى قىسقا ھەم كىچىك، 2-سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى تەرەققىي قىلغان. مەيدە قىسمىدا يەتتە بوغۇمى بولۇپ، ھەربىر بوغۇمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى مۈڭگۈزدەك ئۇچلۇق كېلىدۇ. قورساق قىسمىدا ئالتە بوغۇمى بولىدۇ. ئاخىرقى بوغۇمى قۇيرۇق بوغۇمى بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇ زەي، نەم جايلاردا ياشايدۇ.

ئېشەكلىك

  • ئېشەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئېشىكى بار، ئېشىكى بولغان:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، بىز بىر ئېشەكلىك بولۇپ قالدۇق.[يەشمىسى:] ② ئېشەك مىنگەن، ئېشەك مىنىپ، ئېشەك بىلەن:[مىسال:] ئېشەكلىك ئادەم. ∥ ئۇلار يۇقىرى تەرەپتىن ئاتلىق، ئېشەكلىك كېلىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنى كۆردى.

ئېشەكمەدىكى

  • ئېشەكمەدىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئېشەك+مەدەك+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر خىلى. قالپىقىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ بولۇپ، يۈزىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولىدۇ ۋە سېسىق پۇرايدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلغىلى بولمايدۇ.

ئېشەكيېلىمى

  • ئېشەكيېلىمى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئېشەك+يېلىم+ى[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل جۇڭيى دورىسى. ئېشەك تېرىسىنى سۇدا قاينىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئادەتتە قاننى تولۇقلاش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ئېشەكيېمى

  • ئېشەكيېمى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئېشەك+يەم+ى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] چارۋىلارنىڭ زەھەرلىك ئوت-چۆپ ياكى دورىلارنى يەپ قويۇشى، بەزى ھاشاراتلارنىڭ چېقىشى، شۇنىڭدەك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، قەۋزىيەت بولۇش نەتىجىسىدە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەي ئارقىلىق شۈمۈرۈلۈپ قانغا ئۆتۈشى بىلەن تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولىدىغان بىر خىل تېرە كېسىلى.

ئېشىپ-تېشىپ

  • ئېشىپ-تېشىپ[يەشمىسى:] ① مول، كۆپ ھالدا، نۇرغۇن: يەل-يېمىش دېگەن بىزدە ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ② ھەممىسىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ، تۈزۈكرەك ئادەم تېپىلماي:[مىسال:] ئېشىپ-تېشىپ سەن بىلەن ماڭىمەنمۇ دېدى قىز ئۇنىڭغا زەردە قىلىپ.

ئېشىگلىك

  • ئېشىگلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېشىلگەن، ئېشىپ قويۇلغان:[مىسال:] يىپىڭ ئېشىگلىك بولسا، ئىشىڭ پۈتۈكلۈك (ماقال).

ئېشىلمەك

  • ئېشىلمەك[يەشمىسى:] «ئەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۈنۈگۈن ئېشىلگەن شۇنچە يىپ تۈگىدىمۇ

ئېشىنچا

  • ئېشىنچا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاشقان، ئوشۇق:[مىسال:] ئېشىنچا مەھسۇلات.

ئېشىندى

  • ئېشىندى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېشىپ قالغان، ئاشقان:[مىسال:] ئېشىندى پايدا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] مەلۇم مىقداردىكى نەرسىنىڭ بىر قىسمى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان قىسمى.

ئېشىنماق

  • ئېشىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «ئاشماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل چاي-تۇزنىڭ خىراجىتىدىن ئېشىنىپ، 60 كوي يىغىپتىمەن.[يەشمىسى:] ② «ئاشماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان تۇنجى يىلى ئىككى-ئۈچ تاغار ئاشلىق ئېشىندى.

ئېغىر

  • ئېغىر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماسسىسى، ۋەزنى چوڭ:[مىسال:] ئېغىر يۈك ئارتىلغان ئات-ئۇلاغلار چىغىر يولدا ئاران كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [مىسال:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ كۈچ، مېھنەت، بىلىم تەلەپ قىلىدىغان، قىيىن، تەس:[مىسال:] ۋەزىپىسى ئېغىر. خىزمىتى ئېغىر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىدىغان، سالماق:[مىسال:] ئوغلۇم ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، ئېغىر بول.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان، خەۋپلىك، خەتەرلىك:[مىسال:] جاراھىتى ئېغىر. * ئۇنىڭ كېسىلى بەك ئېغىر ئىكەن.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەچۈرگۈسىز، ئادەتتىن تاشقىرى:[مىسال:] سەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈن كەچۈرۈش تەس بولغان، مۇشەققەتلىك، ئازابلىق:[مىسال:] ئېغىر ئەھۋالدا قالماق.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەردلىك، ھەسرەتلىك:[مىسال:] ئۇ يولغا چىقىپ ئېغىر بىر ئۇھ تارتتى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەرداشلىق بېرىش تەس بولغان:[مىسال:] ئېغىر ئەلەم. ئېغىر كۈلپەت.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپ، جىق، زور:[مىسال:] بەرمەس قىزنىڭ تويلۇقى ئېغىر (ماقال).* بۇ ئۆيلەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بوپتۇ.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچلۈك:[مىسال:] بۇ ئەلدە ئىرقچىلىق ئېغىر بولغاچقا «غەيرىي ئىرقتىن كېلىپ چىققان» دەپ بۇ ئايالنى بىرەر ئەر ئالمىغان.[يەشمىسى:] 11 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭىش قىيىن، تەس بولغان:[مىسال:] يوشۇرمىسىلا، جانابلىرى بۈگۈن ئېغىر بىر ھالەتتىن قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىلا، دېدى مۇسەپپا ھەزرەت كۈلۈپ تۇرۇپ.[يەشمىسى:] 21 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاڭلىمايدىغان:[مىسال:] قۇلىقى ئېغىر.[يەشمىسى:] 31 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوبۇل قىلىش تەس بولغان:[مىسال:] دادا كۆڭۈللىرىنى چۈشىنىمەن، بۇنداق قىلىش سىلىگە ئېغىر تۇيۇلىدۇ. * بۇ ئايرىلىشنىڭ ھەر ئىككىلىمىزگە قانچىلىك ئېغىر تۇيۇلغانلىقى ئېسىڭىزدە باردۇر.[يەشمىسى:] 41 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەزى سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ بۇ سۆزلەر ئىپادىلىگەن ھالەت دەرىجىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] بۇ ئازغىنە پاراڭلىشىشتىن كېيىن يەنە خېلى ئۇزۇنغىچە ئېغىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.[يەشمىسى:] 51 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جاۋاب بېرىش قىيىن بولغان، قاتتىق:[مىسال:] ئېغىر سىناق.[يەشمىسى:] 61 [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تەس، ئاران:[مىسال:] ئۇ ئوغلىنىڭ كەينىدىن ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ، قەدەملىرىنى ئېغىر يۆتكەپ ئاستا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

ئېغىر ئالماق

  • ئېغىر ئالماق[يەشمىسى:] خاپا بولماق، ھار ئالماق؛ نومۇس دەپ بىلمەك:[مىسال:] ھاكى دېدى ئۇ بىرھازادىن كېيىن، سەن قانچە تىللىساڭمۇ مەيلى، مەن ئېغىر ئالمايمەن.

ئېغىر ئايىغىنى يەڭگىل قىلىپ

  • ئېغىر ئايىغىنى يەڭگىل قىلىپ[يەشمىسى:] ھۇرۇنلۇق قىلماي، ئېرىنمەي:[مىسال:] - گەپ شۇ، ئېغىر ئايىغىڭىزنى يەڭگىل قىلىپ مۇشۇ ئىشقا بىر مېڭىشىپ بېرىڭ، - دېدى تۇرئاخۇن يېلىنغاندەك قىلىپ.

ئېغىر بويىنى يەڭگىل قىلىپ

  • ئېغىر بويىنى يەڭگىل قىلىپ[يەشمىسى:] «ئېغىر ئايىغىنى يەڭگىل قىلىپ»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇكام، ئېغىر بويىڭىزنى يېنىك قىلىپ، دىككىدە بېرىپ كەلسىڭىز، دېدى ھاممائاچام ماڭا.

ئېغىر تەگمەك

  • ئېغىر تەگمەك[يەشمىسى:] قوپال توڭ گەپ قىلماق:[مىسال:] سەن ئۇنىڭغا ئېغىر تەگمەي سىلىق-سىپايە بول.

ئېغىر چۈشمەك

  • ئېغىر چۈشمەك[يەشمىسى:] قىممەت توختىماق، چىقىم جىق كەتمەك:[مىسال:] بۇ توي بىزگە بەك ئېغىر چۈشتى.

ئېغىر سانائەت

  • ئېغىر سانائەت[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا ماددىي ئەشيا، تېخنىكا ئاساسىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان سانائەت (يېنىك سانائەتنىڭ ئەكسى).

ئېغىر كارۋان

  • ئېغىر كارۋان[يەشمىسى:] مىجەزى ئېغىر؛ گەپ-سۆزدە، ئىش-ھەرىكەتتە ئاستا:[مىسال:] تازىمۇ ئېغىر كارۋان ئاداشكەن ئۇ.

ئېغىر كەتمەك

  • ئېغىر كەتمەك[يەشمىسى:] قوپاللىق قىلماق، گەپ-سۆزدە سەل ئاشۇرۇۋەتمەك:[مىسال:] بولدى، ئۇنداق دېمەڭ، ئايشەم دەرھال گۈلىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى، بۇ گېپىڭىز ئېغىر كەتتى.

ئېغىر كەلمەك

  • ئېغىر كەلمەك[يەشمىسى:] ① ماسسىسى، ۋەزنى چوڭ كەلمەك:[مىسال:] قارىماققا كىچىك كۆرۈنگەندەك تۇرغان بىلەن جىڭدا تارتساڭ ئېغىر كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② ھار كەلمەك:[مىسال:] قىزنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسى ماڭا بىرئاز ئېغىر كەلدى.[يەشمىسى:] ③ تەس تۇيۇلماق:[مىسال:] ئۇنىڭغا ئىش خېلىلا ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەپچىل چارىسىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ، ئالدىراپ مەكتەپكە كەتتى.[يەشمىسى:] ④ ئارتۇقچە بولماق، زىيادە ئېغىر تۇيۇلماق:[مىسال:] بۇ مەزگىلدە ھاۋا خېلىلا ئىسسىپ، پاختىلىق چاپانلار ئېغىر كېلەتتى.

ئېغىر كۆرمەك

  • ئېغىر كۆرمەك[يەشمىسى:] بىئەپ ھېس قىلماق؛ ئاۋارىچىلىك دەپ بىلمەك:[مىسال:] ئۇ ماڭا بۇ گەپنى ئېيتىشنى ئېغىر كۆردى.

ئېغىر ھىدروگېن

  • ئېغىر ھىدروگېن[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ترىتىينىڭ بۇرۇنقى نامى.

ئېغىر ئۇستىخان

  • ئېغىر ئۇستىخان[يەشمىسى:] ① ئالدىرىماي ھەرىكەت قىلىدىغان، بىرەر ئىشقا ئانچە ئالدىراپ كەتمەيدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھامىلىدار، ئىككى قات، بويىدا قالغان.

ئېغىر ياتقۇ

  • ئېغىر ياتقۇ[يەشمىسى:] كىشىلەر قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىت: ئېغىر ياتقۇ، پۈتۈن يېزا جىمجىتلىققا چۆمگەنىدى.

ئېغىر-ئارتۇق

  • ئېغىر-ئارتۇق[يەشمىسى:] ئارتۇقچە:[مىسال:] ئېغىر-ئارتۇق، نەرسىلىرىڭنى تاشلا.

ئېغىرئاياغ

  • ئېغىرئاياغ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.]ئېغىر+ئاياغ[[يەشمىسى:] ھامىلىدار، ئېغىربوي:[مىسال:] ئېغىرئاياغ ئايال.

ئېغىربوي

  • ئېغىربوي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئېغىر+بوي[[يەشمىسى:] «ئېغىرئاياغ»قا قاراڭ.

ئېغىر-بېسىق

  • ئېغىر-بېسىق[يەشمىسى:] ئۆزىنى توختاتقان، سالماق، ئاسان چېچىلىپ كەتمەيدىغان:[مىسال:] ئېغىر-بېسىق ئادەم. ئېغىر-بېسىق بولماق.

ئېغىر-بېسىقلىق

  • ئېغىر-بېسىقلىق[يەشمىسى:] ئېغىر-بېسىق بولۇش ھالىتى:[مىسال:] بىنا بولغاندىن باشلاپلا قۇم-بوران بىلەن ئېلىشىپ كەلگەن بۇ مەھەللە ۋە ئائىلە مۇھىتى ئۇنىڭغا ئېغىر-بېسىقلىقنى بەخش ئەتتى.

ئېغىرچىلىق

  • ئېغىرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىق، مۈشكۈللۈك:[مىسال:] تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقى.

ئېغىرسىنماق

  • ئېغىرسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېغىر ھېس قىلماق، ئېغىر كەلمەك:[مىسال:] مەن ئېغىرسىنغاندەك ئويلىنىپ قويدۇم ۋە: ماقۇل، چۈشكەن يېرىم يىراق بولسىمۇ، بىر خەۋەر ئېلىپ ئۆتەرمەن، -دېدىم.

ئېغىرسىنىشماق

  • ئېغىرسىنىشماق[يەشمىسى:] «ئېغىرسىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېغىرقات

  • ئېغىرقات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېغىرئاياغ.

ئېغىرلاتماق

  • ئېغىرلاتماق[يەشمىسى:] ① «ئېغىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] [مىسال:] [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] قانۇن بويىچە بېرىلگەن جازا ئۈستىدىن يەنە جازا بەرمەك:[مىسال:] ئاياللارنى، بالىلارنى ئالداپ ساتقان جىنايەتچىلەر ئېغىرلىتىپ جازالىنىشى كېرەك.

ئېغىرلاشتۇرماق

  • ئېغىرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئېغىرلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يولدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق چاڭ-توزان دىلبەرنىڭ قەدەم ئېلىشىنى خېلىلا ئېغىرلاشتۇرۇپ قويدى.

ئېغىرلاشتۇرۇلماق

  • ئېغىرلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئېغىرلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېغىرلاشماق

  • ئېغىرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ماسسىسى، ۋەزنى ئاشماق:[مىسال:] گۈركىرەپ تۇرغان شامالدا سۆگەتلەرنىڭ يامغۇردا ئېغىرلىشىپ كەتكەن شاخلىرى ساڭگىلىشىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىيىنلاشماق، تەسلەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى ئېغىرلاشتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خەۋپلىك، خەتەرلىك بولۇپ قالماق، كۈچەيمەك، زورايماق:[مىسال:] ئاغرىقى ئېغىرلاشماق. ئۇرۇش ئېغىرلاشتى.

ئېغىرلىق

  • ئېغىرلىق[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىر ئەھۋال، ئېغىر ھالەت:[مىسال:] ئۇنداق بولسا، ھەممە ئېغىرلىق ماڭىلا چۈشۈۋاتىدىغۇ دەپتۇ ھېلىقى بالا.

ئېغىرلىق قىلماق

  • ئېغىرلىق قىلماق[يەشمىسى:] ① ئېغىر كەلمەك، ئېغىر تۇيۇلماق:[مىسال:] بۇنچە نۇرغۇن يۈك ھارۋىغا ئېغىرلىق قىلىدۇ. بىر قىسمىنى ئىككىنچى نۆۋەت ئېلىپ بارسۇن.[يەشمىسى:] ② ئۆزىنى تۇتۇۋالماق، ئېغىر-بېسىق بولماق:[مىسال:] بۇ ئىشتا ئۇلار بەكمۇ ئېغىرلىق قىلدى.

ئېغىرلىماق

  • ئېغىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېغىرلىقى ئاشماق، ئېغىرلاشماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ قالغان كۈنلەردە ماڭا ئوغلىغا ھەمدەم بولۇشنى تاپشۇرغانىدى.

ئېغىر-يېنىك

  • ئېغىر-يېنىك[يەشمىسى:] ① ئېغىر ۋە يېنىك.[يەشمىسى:] ② ئۇششاق-چۈششەك، ئادەتتىكى:[مىسال:] ئېغىر-يېنىك ئىشلار.

ئېغىز

  • ئېغىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاغىز:[مىسال:] ئېغىز ئاچماق. ئېغىزىغا بىرنېمە سالماسلىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ھەربىر خانىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۈچ ئېغىز ئۆي.

ئېغىز ئاچماق

  • ئېغىز ئاچماق[يەشمىسى:] ① گەپ قىلماق، گەپ باشلىماق:[مىسال:] بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، دادامدىن بۇرۇن ئانام ئېغىز ئاچتى.[يەشمىسى:] ② ئىپتارلىماق، ئىپتار قىلماق:[مىسال:] ئىپتار ۋاقتى بوپتۇ، ئېغىز ئاچايلى.

ئېغىز ئالماق

  • ئېغىز ئالماق[يەشمىسى:] ① يارا ئۇچ چىقىرىپ تېشىلمەك، ئېچىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يارىسى ئېغىز ئالدى.[يەشمىسى:] ② يوشۇرۇن تۇرغان ئەھۋال ئاشكارىلانماق:[مىسال:] بۇ ئىش ئاخىرى ئېغىز ئالدى.

ئېغىز ئەدەبىياتى

  • ئېغىز ئەدەبىياتى[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»غا قاراڭ.

ئېغىز بوشلۇقى

  • ئېغىز بوشلۇقى[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ھەزىم قىلىش يولىنىڭ باشلىنىش قىسمى. ئىچىدە چىش، تىل ۋە ئۈچ جۈپ چوڭ شۆلگەي بېزىنىڭ ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلىرىنىڭ ئاغزى بولىدۇ.

ئېغىز تامشىماق

  • ئېغىز تامشىماق[يەشمىسى:] تەمە قىلماق، قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بولماق:[مىسال:] ئۇ چوكاننى ئۈندەككە كەلتۈرەلمەي، خۇددى چۇك-چۇك كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىدەك ئېغىز تامشىپ پەرىشان بولاتتى.

ئېغىز تەرجىمىسى

  • ئېغىز تەرجىمىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئېغىز ئارقىلىق توغرىدىن-توغرا قىلىنغان تەرجىمە. ئادەتتە ئۇ «يېزىق تەرجىمىسى» گە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.

ئېغىز تەگمەك

  • ئېغىز تەگمەك[يەشمىسى:] تېتىماق، يېمەك:[مىسال:] گۈللۈك چەينەكتىن ئىسسىق چاي قۇيدى، بىز ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرۇپ مەزەگە ئېغىز تەگدۇق.

ئېغىز تىلى

  • ئېغىز تىلى[يەشمىسى:] [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] «جانلىق تىل»غا قاراڭ.

ئېغىزدىلا قالماق

  • ئېغىزدىلا قالماق[يەشمىسى:] ئېغىزىدا دېيىلگەن بىلەن ھەل بولماي، ئەمەلىيلەشمەي قالماق:[مىسال:] بولدى ئۇلارنى دېمەيلا قويۇڭ، مېنىڭ ئۇ ئىشىم ئېغىزدىلا قالدى.

ئېغىزدىن تەگكەن

  • ئېغىزدىن تەگكەن[يەشمىسى:] تۇغۇلۇشتىنلا شۇنداق ئۇششاق سۆز:[مىسال:] ھوي خەقلەر ئاۋۇ شۇمتكنىڭ ئاغزىنى بېسىڭلار، ئېغىزىدىن تەگكەنگە قاراپ تۇرامسىلەر باينىڭ خوتۇنى چالۋاقاپ كەتتى.

ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچمەك

  • ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچمەك[يەشمىسى:] كەڭ تارقالماق:[مىسال:] بۇ رىۋايەت خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدۇ.

ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق

  • ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق[يەشمىسى:] ئەرزىمەس، تايىنى يوق:[مىسال:] قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ يۈرمەڭ، ئىشلىتىۋېرىڭ، ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق ىرنېمىلەر بۇ دېدى ئالىغاي خوتۇن.

ئېغىزغا ئالغۇسىز

  • ئېغىزغا ئالغۇسىز[يەشمىسى:] ئېيتىشقا، دېيىشكە ئۇيىلىدىغان:[مىسال:] ئۇ ئارقىسىغا ئەگىشىۋالغان ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەرنى ئاڭلىدى.

ئېغىزغا چىقماق

  • ئېغىزغا چىقماق[يەشمىسى:] كىشىلەر ئارىسىغا تارقالماق، كىشىلەر ئارىسىدا دېيىلمەك:[مىسال:] يالغان گەپ ئەل ئېغىزىغا چىقامدۇ، دېدى ئالىغاي خوتۇن.

ئېغىز گارمۇنى

  • ئېغىز گارمۇنى[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. سىرتىدا ئىككى قۇر ئۇششاق تۆشۈكچىلىرى، ئىچىدە تۇچتىن ياسالغان نېپىز ياپراقچىسى بولۇپ، پۈۋلىگەندە يەل كۈچى بىلەن ئاۋاز چىقىرىدۇ.

ئېغىزنى زايە قىلماق

  • ئېغىزنى زايە قىلماق[يەشمىسى:] گەپ يېمەيدىغان، ئۆز بېشىمچى ئادەملەرگە گەپ قىلىپ بىكاردىن-بىكار ئاۋارە بولماق:[مىسال:] -بۇ خەق بىلەن جېدەللىشىپ ئېغىزىڭنى زايە قىلغۇچە ئۆز يولۇڭغا ماڭساڭ بولمامدۇ، دېدى دادام ئاچچىقلاپ.

ئېغىزنىڭ بىر قات تېرىسى سويۇلۇپ كەتمەك

  • ئېغىزنىڭ بىر قات تېرىسى سويۇلۇپ كەتمەك[يەشمىسى:] بىر مەسىلە توغرۇلۇق بىركىمگە قايتا-قايتا سۆزلىمەك:[مىسال:] ۋاي ئۇكام ساڭا تولا دەپ ئېغىزىمنىڭ بىر قات تېرىسى سويۇلۇپ كەتتىغۇ نېمانداق قىلىسەن

ئېغىزنىڭ پاشنىسى يوق

  • ئېغىزنىڭ پاشنىسى يوق[يەشمىسى:] ئېغىز دېگەندىن ھەممە گەپ چىقىدۇ، ئېغىزدىن چىقمايدىغان گەپ يوق:[مىسال:] ئۇ «ئېغىز دېگەننىڭ پاشنىسى يوق، ئەگەر بىرەر قاملاشمىغان سۆز ئاغزىمدىن چىقىپ كەتسە، ياكى ئۇنىڭغا ياقمايدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ قويسام، بالاغا قالمايمەنمۇ» دەپ ئەندىشە قىلىپتۇ.

ئېغىزنىڭ ئۇچىدا

  • ئېغىزنىڭ ئۇچىدا[يەشمىسى:] چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، مۇنداقلا:[مىسال:] ئۇ ھەممەيلەن بىلەن ئېغىزنىڭ ئۇچىدىلا تىنچلىق-ئامانلىق سوراشتى.

ئېغىزنىڭ يېلى

  • ئېغىزنىڭ يېلى[يەشمىسى:] «دەپ قويسىلا بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قويسىلا بېجىرىلىپ كېتىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] تۆت ئېغىز ياخشى گېپىمنى قىلىپ قويسىلا، سىلىدىن نېمە كېتىدۇ، ئېغىزلىرىنىڭ يېلى، دەپتۇ موللامەتنىياز.

ئېغىز ئۈششۈتمەك

  • ئېغىز ئۈششۈتمەك[يەشمىسى:] يامان ئاقىۋەت كېلىدۇ دەپ قارىماق، ئېيتىشماق:[مىسال:] ھوي، ئېغىزلىرىنى ئۈششۈتۈپ، يەنە نېمە دەيلا، يەنە نېمە گەپ بار

ئېغىزىدا تۇغۇۋالغان

  • ئېغىزىدا تۇغۇۋالغان[يەشمىسى:] ئەركە چوڭ بولغان، ئەتىۋارلىق:[مىسال:] ئۇنىڭغا جىق گەپ قىلماڭلار، ئېغىزىدا تۇغۇۋالغان بالا ئۇ.

ئېغىز ئىقرارى

  • ئېغىز ئىقرارى[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سوت قىلىنغۇچىنىڭ ئەنزىگە ئالاقىدار ئىشلار ئۈستىدىكى ئاغزاكى بايانى.

ئېغىز ئىمتىھانى

  • ئېغىز ئىمتىھانى[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئىمتىھاننىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىمتىھان بەرگۈچى سوئاللارغا ئاغزاكى جاۋاب بېرىدۇ.

ئېغىز-بۇرۇن

  • ئېغىز-بۇرۇن[يەشمىسى:] ئېغىز ۋە بۇرۇن:[مىسال:] ئېغىز-بۇرۇن يالاشماق. ئېغىز-بۇرنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتمەك.

ئېغىز-بۇرۇن يالاشماق

  • ئېغىز-بۇرۇن يالاشماق[يەشمىسى:] بەك يېقىن بولۇشۇپ كەتمەك، يېقىنچىلىق قىلىشىپ كەتمەك:[مىسال:] ھازىر ئۇ بەگلەر بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ پۇقرالارنى باسىدىغان بولدى، -دېدى بوۋاي خورسىنىپ.

ئېغىز-بۇرنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتمەك

  • ئېغىز-بۇرنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتمەك[يەشمىسى:] قاتتىق ئۇرۇپ باش كۆزىنى يارا قىلىۋەتمەك:[مىسال:] بۇرنى قاناپ كەتكەن ئالىغاي مۇشت ئېتىۋىدى، سادىق ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئېغىز-بۇرنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى.

ئېغىزچە

  • ئېغىزچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېغىز ئارقىلىق بولىدىغان، ئاغزاكى:[مىسال:] ئېغىزچە دوكلات.

ئېغىزدۇرۇق

  • ئېغىزدۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈگەننىڭ ئات ئېغىزىغا سېلىنىدىغان تۆمۈرى.

ئېغىزلاندۇرماق

  • ئېغىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] ① «ئېغىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② تۇغۇلغان بالىنى تازىلاپ ئاغزىغا بىرىنچى قېتىم يېمەكلىك سالماق:[مىسال:] ئاخىرىدا گەپ پەرزەنتنى ئېغىزلاندۇرۇش ۋە ئىسمىنى نېمىدەپ قويۇشقا يۆتكەلدى.

ئېغىزلاندۇرۇشماق

  • ئېغىزلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئېغىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېغىزلاندۇرۇلماق

  • ئېغىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئېغىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېغىزلانماق

  • ئېغىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېمەك ۋە ئىچمەك:[مىسال:] قېنى تاماقلاردىن ئېغىزلىنايلى، دېدى ساھىبخانا.[يەشمىسى:] ② گەپ باشلىماق، گەپ قىلماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ سالامەت قايتىپ كەلدىلە، دېدى ئەھمەتقارى ئۈزۈلۈپ قالغان گەپنى ئۇلاش ئۈچۈن ئېغىزلىنىپ.

ئېغىزلىقⅠ

  • ئېغىزلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرقانچە ئېغىزغا بۆلۈنگەن:[مىسال:] ئىككى ئېغىزلىق ئۆي.

ئېغىزلىقⅡ

  • ئېغىزلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مال بوغۇزلايدىغان جاي.

ئېغىزمان

  • ئېغىزمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭ مۈرە باشتىن سول مۈرە باشقىچە بولغان ئارىلىق، غول:[مىسال:] ئېغىزمېنى ئاغرىماق.

ئېغىشماق

  • ئېغىشماق[يەشمىسى:] «ئاغماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار توغرا يولدىن ئېغىشتى.

ئېغىل

  • ئېغىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئېشەك، كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدىغان، سولايدىغان مەخسۇس ئۆي:[مىسال:] باي بىركۈنى ئېغىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا ئېشىكى ھاڭراپ قاپتۇ.

ئېغىناتماق

  • ئېغىناتماق[يەشمىسى:] «ئېغىنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېشەكنى ئېغىناتماق.

ئېغىناشماق

  • ئېغىناشماق[يەشمىسى:] «ئېغىنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىر توپ بالىلار دۆۋىلەكلىك ساماندا ئېغىنىشىپ ئويناۋاتاتتى.

ئېغىنىماق

  • ئېغىنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر ئۇيانغا بىر بۇيانغا دۇمىلىماق، ئۆرۈلمەك:[مىسال:] ئەركىن ھويلىسىدىكى كىگىز سېلىنغان سۇپىدا ئېغىناپ ياتاتتى.

ئېفتالىت

  • ئېفتالىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ھونلارنىڭ بىر تارمىقى.Ⅴئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرغان، كېيىن تۈركلەر تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، قەبىلىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن.

ئېففۇزىيە

  • ئېففۇزىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تۆۋەن بېسىملىق گاز مولېكۇلىلىرىنىڭ كىچىك تۆشۈكلەردىن قېچىپ چىقىش ھادىسىسى.

ئېففېكت

  • ئېففېكت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] فىزىكىلىق ياكى خىمىيىلىك تەسىردىن ھاسىل بولغان ئۈنۈم. مەسىلەن، ئېلېكتر ئېففېكتى، ئىسسىقلىق ئېففېكتى، خىمىيىلىك ئېففېكت قاتارلىقلار.

ئېففېكتور

  • ئېففېكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] رېفلېكس يايىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى. مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋىنىڭ ئىمپۇلىسىنى قوبۇل قىلىپ ئالاھىدە ھەرىكەت پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، قىسقىراش ياكى ئاجرىتىپ چىقىش قاتارلىقلار. مۇسكۇل توقۇلمىسى ۋە بەزلەر ئېففېكتورلاردۇر.

ئېفېدرىن

  • ئېفېدرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا، يەنى ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C6H5CHOH.CH(CH3).NH.CH3. ئۇ چاكاندىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان بىر خىل بىئولوگىيىلىك ئاساس بولۇپ، ئاق رەڭلىك كرىستال ھالىتىدە كېلىدۇ. نېرۋا تۈگۈنىنى قوزغىتىش، نەپەس يولىنىڭ سىلىق مۇسكۇلىنى بوشىتىش، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ قىمىلدىشىنى ئاجىزلىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. كلىنىكىدا دەم سىقىلىش كېسىلى، بۇرۇن شىللىق پەردىسى ياللۇغى ۋە يەلتاشما قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئېفىرⅠ

  • ئېفىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىر تۈرى. بىر ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ ئىككى ھىدروكاربون رادىكالىنى باغلاپ تۇرۇشىدىن ھاسىل بولىدۇ. كۆپچىلىكى سۇيۇقلۇق. مەسىلەن، ئېتىل ئېفىرغا ئوخشاش.

ئېفىرⅡ

  • ئېفىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىدا مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنغان، يورۇقلۇقنى تارقىتىدىغان بىر خىل ئېلاستىك مۇھىت.مىلادىيە XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدان ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشى ۋە بارلىق ئۆزئارا تەسىرلەرنىڭ ئۇزىتىلىشى ھەر خىل مەيدانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئېفىر كونىراپ كەتكەن ئۇقۇم سۈپىتىدە قالدۇرۇلدى.

ئېقىتما

  • ئېقىتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېقىپ كېلىپ يىغىلىپ قالغان نەرسىلەر.

ئېقىتماق

  • ئېقىتماق[يەشمىسى:] «ئاقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆستەڭگە سۇغا چىقىۋىدىم، چېلىكىمنى سۇ ئېقىتىپ كەتتى، دېدى قىز.

ئېقىتماي-تېمىتماي

  • ئېقىتماي-تېمىتماي[يەشمىسى:] بىرىنى قويماي، ھەممىسىنى، ئەينى بويىچە:[مىسال:] ئۇ شۇ كېچىسىلا ئولتۇرۇشتا بولغان گەپ-سۆزلەرنى ئېقىتماي-تېمىتماي رازۋېدكا ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بولغانىدى.

ئېقىش

  • ئېقىش[يەشمىسى:] «ئاقماق» پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسىمدىشى:[مىسال:] ئېقىش جەريانى. ئېقىش سۈرئىتى. ئېقىش مۇساپىسى.

ئېقىش تاپماق

  • ئېقىش تاپماق[يەشمىسى:] يۈرۈشمەك، ئاقماق:[يەشمىسى:] ئوقىتى ئېقىش تاپماق. ئىشى ئېقىش تاپماق .

ئېقىشچان

  • ئېقىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاقىدىغان، سۇيۇق ھالەتتىكى:[مىسال:] ئېقىشچان جىسىم.

ئېقىشچانلىق

  • ئېقىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېقىشچان ياكى سۇيۇلدۇرۇلغان جىسىمنىڭ ئۆز ئېغىرلىقى ياكى باشقا مېخانىكىلىق كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ئېقىش خۇسۇسىيىتى.

ئېقىشماق

  • ئېقىشماق[يەشمىسى:] «ئاقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېقىم

  • ئېقىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر تەرەپكە ئېقىۋاتقان سۇ، سۇيۇقلۇق، زەررىچە، گاز ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر جەريانى:[مىسال:] چوڭ ئېقىم. ئېلېكتر ئېقىمى. تارماق ئېقىم. ئىسسىق ئېقىم. ھاۋا ئېقىمى. سوغۇق ئېقىم.[يەشمىسى:] ② شۇنداق جەريان يۆنەلگەن تەرەپ؛ يۆنىلىش:[مىسال:] بىر كۈنى كېمە شاڭخەيدىن سۇنىڭ ئېقىمىغا قارشى مېڭىپ ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىجتىمائىي پائالىيەت، ئىلىم-پەن، نەزەرىيە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ساھەسىدىكى يۆنىلىشى؛ قاراش:[مىسال:] پىكىر ئېقىمى. ئېقىم مەسىلىلىرى. سىياسىي ئېقىم. ئېقىمغا قارشى تۇرماق.

ئېقىم مەسىلىلىرى

  • ئېقىم مەسىلىلىرى[يەشمىسى:] يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر.

ئېقىمسىز

  • ئېقىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېقىمى يوق:[مىسال:] ئېقىمسىز رايون.

ئېقىن

  • ئېقىن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئېقىۋاتقان سۇ، سۇيۇقلۇق، ئېقىم:[مىسال:] دەريا ئۆز ئېقىنىنى ئۆزگەرتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان، ئاقىدىغان، ئاقار:[مىسال:] ئېقىن سۇ.

ئېكە

  • ئېكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىشى ھايۋانلارنىڭ جىنسى ئەزاسى، ماتكا.

ئېكەك

  • ئېكەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.>ماشن<[يەشمىسى:] مېتاللارنى قىرىش (ئېكەكلەش) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قول سايمىنى، يۈزىگە ئۇششاق بىس چىقىرىلغان بولۇپ، ياپىلاق، ئۈچ بۇلۇڭ يۇمىلاق، چاسا قاتارلىق ھەرخىل شەكىللەردە بولىدۇ. چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ.

ئېكەكلەتمەك

  • ئېكەكلەتمەك[يەشمىسى:] «ئېكەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېكەكلەشمەك

  • ئېكەكلەشمەك[يەشمىسى:] «ئېكەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېكەكلەنمەك

  • ئېكەكلەنمەك[يەشمىسى:] «ئېكەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېكەكلىمەك

  • ئېكەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېكەك سالماق؛ ئېكەك بىلەن ئۇپراتماق.

ئېكتوپلازما

  • ئېكتوپلازما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاددىي ھايۋانلار ھۈجەيرە ماددىسىنىڭ سىرتىدىكى سۈزۈك قىسمى. ئادەتتە ئۇ ئىچكى ماددىغا نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.

ئېكتورىئال

  • ئېكتورىئال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېكۋاتور گۋىنىيىسىنىڭ پۇل بىرلىكى.

ئېكران (ئېكرانى)

  • ئېكران (ئېكرانى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تەسۋىر چۈشۈرۈلىدىغان ۋە تۈرلۈك نۇرلىنىشلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ياكى ئۆزگەرتىپ بېرىدىغان قۇرۇلمىلارنىڭ ئورتاق نامى.

ئېكرانلىق

  • ئېكرانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېكرانى بار، ئېكرانى بولغان:[مىسال:] كەڭ ئېكرانلىق فىلىم.

ئېكزوسفېرا

  • ئېكزوسفېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ئىئونوسفېرانىڭ يۇقىرىسىدىكى ئاتموسفېرا قاتلىمى.

ئېكس

  • ئېكس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① گرېك تىلى ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى ھەرپى (X)نىڭ نامى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] نامەلۇم ساننى ئىپادىلىگۈچى بەلگە (X)نىڭ نامى.

ئېكس نۇرى

  • ئېكس نۇرى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، فوتو سۈرەت لېنتىسىغا يورۇقلۇق سەزدۈرىدۇ، بەزى ماددىلارنى يالتىراق نۇر چىقارغۇزىدۇ، ھەمدە جىسىملارنى ئىئونلاشتۇرىدۇ. بەدەندىكى كىلېتكىلارغا نىسبەتەن قاتتىق بۇزغۇنچىلىق رولى بار. پەن-تېخنىكىدا ۋە تېببىي داۋالاشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ.

ئېكسپرومىت

  • ئېكسپرومىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئىلھام بىلەن ئىشلەنگەن لىرىكىلىق چالغۇ ئاھاڭى. ئۇ مۇكەممەل تۈزۈلمە، ساپ شەكىل، يېقىملىق مېلودىيە، چوڭقۇر، تەسىرلىك لىرىكا بىلەن باشقا مۇزىكىلاردىن پەرقلىنىدۇ.

ئېكسپورت

  • ئېكسپورت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] چەت ئەللەرگە مال ياكى كاپىتال چىقىرىش ئىشى، يەنى «ئىمپورت» نىڭ ئەكسى:[مىسال:] ئېكسپورت قىلماق. ئېكسپورت تاۋار.

ئېكسپوزىتسىيە

  • ئېكسپوزىتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سۇژىت باشلانغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى كىرىش قىسمى، يەنى ئەسەر قاتناشقۇچىلىرى خاراكتېرىنىڭ شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ئىجتىمائىي مۇھىت، تۇرمۇش شارائىتى، ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋە راۋاجلانغان تارىخىي شەرت-شارائىت قاتارلىقلارنىڭ تەسۋىرلىنىشى. ئېكسپوزىتسىيە شۇ ئەسەردىكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلالماسلىقى بىلەن سۇژىت تۈگۈنىدىن پەرق قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] نۇر سەزگۈچى ماتېرىيالنىڭ نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش جەريانى.

ئېكسپېدىتسىيە

  • ئېكسپېدىتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] مەلۇم جاينىڭ يەر بايلىقى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان گېئولوگىيىلىك ياكى ئارخېئولوگىيىلىك چارلاش، تەكشۈرۈش ياكى بۇ مەقسەتلەر ئۈچۈن قىلىنغان سەپەر.

ئېكسپېدىتسىيىچى

  • ئېكسپېدىتسىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېكسپېدىتسىيە قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇ ھەمىشە ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنى باشلاپ ئافرىقا ئورمانلىقىغا كىرىپ ئوۋ قىلاتتى.

ئېكسپىلاتاتسىيە

  • ئېكسپىلاتاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئەمگىكى ياكى مەھسۇلاتىنى ھەقسىز ئىگىلىۋېلىش. بۇ ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئېكسپىلاتاتسىيىچى

  • ئېكسپىلاتاتسىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان كىشى، ئەزگۈچى.

ئېكسپىلاتاتور

  • ئېكسپىلاتاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] «ئېكسپىلاتاتسىيىچى»غا قاراڭ.

ئېكستراكت

  • ئېكستراكت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېكستراكتلاش ئارقىلىق ئايرىپ ئېلىنغان ماددا.

ئېكستراكتلىماق

  • ئېكستراكتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئارىلاشمىلارغا مەلۇم ئېرىتكۈچىنى قوشۇش ئارقىلىق، ئارىلاشمىلاردىكى ھەرقايسى تەركىبلەرنىڭ شۇ ئېرىتكۈچىدىكى ئېرىشچانلىقىنىڭ ھەر خىللىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئاجراتماق.

ئېكسكاتور

  • ئېكسكاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ھاۋا ئۆتكۈزمەس قاپقىقى بولغان قاچا. ئاستىدا قۇرۇتۇش سۇيۇقلۇقى بولىدۇ، ئادەتتە نەرسىلەرنى قۇرۇق ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئېكسكاۋاتور

  • ئېكسكاۋاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] يەر كولاش، توپا قىزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مېخانىزم.

ئېكسكۇرسىيە

  • ئېكسكۇرسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] مۇزېي، كۆرگەزمە، شەھەر ۋە گۈزەل جايلارنى كۆپچىلىك بىرلىكتە بېرىپ كۆرۈش، سەيلە-ساياھەت قىلىش:[مىسال:] بىز سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق.

ئېكىسكۇرسىيىچى

  • ئېكىسكۇرسىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېكىسكۇرسىيە قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] بۇ يەرگە كېلىدىغان ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

ئېكسىستون

  • ئېكسىستون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملاردىكى ئېلېمېنتار قوزغىلىدىغان كۋازى زەررىچىلەر.

ئېكلوگىت

  • ئېكلوگىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاساسلىقى يېشىل رەڭلىك ئۇمفاتسىت بىلەن ھال كالتسىي تەركىبلىك، تۆمۈر ماگنىيلىق ئاليۇمىن ئانارتاشتىن تەركىب تاپقان رايون دائىرىلىك ئۆزگەرگەن جىنس.

ئېكلىپتىكا

  • ئېكلىپتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياشنىڭ بىر يىل ئىچىدە تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدا بېسىپ ئۆتكەن يولى، يەنى يەر شارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ئوربىتىسىنىڭ تەكشىلىكى بىلەن ئاسمان شارى ئۆزئارا كېسىشكەندە ھاسىل بولغان چوڭ چەمبەر.

ئېكلىپتىكىلىق

  • ئېكلىپتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېكلىپتىكىغا ئائىت، ئېكلىپتىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] ئېكلىپتىكىلىق كەڭلىك. ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇق.

ئېكولوگىيە

  • ئېكولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① جانلىقلار ئارىسىدىكى ۋە جانلىقلار بىلەن جانسىز مۇھىت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئېكولوگىيە جانلىقلار بايلىقىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئاساسىي پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ، بېلىقچىلىق، مېدىتسىنا قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.[يەشمىسى:] ② جانلىقلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتتىكى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ياشاش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] جانلىقلار ئېكولوگىيىسى.

ئېكولوگىيىلىك

  • ئېكولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېكولوگىيىگە ئائىت، ئېكولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك:[يەشمىسى:] ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق. ئېكولوگىيىلىك مۇھىت.

ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق

  • ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئېكولوگىيىلىك سىستېمىدىكى ئورگانىزملار بىلەن مۇھىت شارائىتى ئارىسىدا ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تەسىر قىلىپ، ئۆز ئارا تىزگىنلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر مۇرەككەپ، بىر پۈتۈن گەۋدە شەكىللىنىدۇ. مانا بۇ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقتۇر.

ئېكونومايزىر

  • ئېكونومايزىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① پار قازانلىرىدا، چىقىپ كېتىۋاتقان تۈتۈندىن پايدىلىنىپ سۇنى ياكى ھاۋانى ئىسسىتىش يولى بىلەن يېقىلغۇنى تېجەيدىغان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ② كاربيوراتورلاردا بېنزىننى تېجەيدىغان قىسىم.

ئېكۋاتور

  • ئېكۋاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ بېلىگە ئورالغان ھەمدە يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپىدىن تەڭ يىراقلىقتا ياتقان چەمبەر سىزىق. يەر شارى ئېكۋاتور تەكشىلىكى يەر مەركىزىدىن ئۆتۈپ، يەر ئوقىغا تىك بولىدۇ. يەر شارىنى جەنۇبىي يېرىم شار بىلەن شىمالىي يېرىم شاردىن ئىبارەت ئىككى يېرىم شارغا بۆلىدۇ. ئۇ يەنە كەڭلىك گرادۇسلىرىغا بۆلۈشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئېكۋاتورنىڭ كەڭلىك گرادۇسى نۆل بولىدۇ. يەر شارى ئېكۋاتور تەكشىلىكى بىلەن ئاسمان شارىنىڭ ئۆزئارا كىسىشىشىدىن ھاسىل بولغان چوڭ چەمبەر ئاسمان ئېكۋاتورى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئېكۋىۋالېنت

  • ئېكۋىۋالېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېمېنتنىڭ بىر ئېغىرلىق قىسىم ھېدروگېن ياكى 8 ئېغىرلىق قىسىم ئوكسىگېن بىلەن بىرىكىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان مىقدارى. ئېلېمېنتنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنى ۋالېنتقا بۆلۈش ئارقىلىق ئېكۋىۋالانتنى تېپىشقا بولىدۇ.

ئېكىن

  • ئېكىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن تېرىلغان ھەر خىل زىرائەتلەر:[مىسال:] دېھقانچىلىقتىكى ھەممە ئېكىنلەرگە بەرىكەت بېرىدىغىنى سۇ.

ئېكىنزار

  • ئېكىنزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىرائەت تېرىلغان يەر، ئېكىنلىك:[مىسال:] ئىككى يېقى كۆز يەتكۈزسىز ئېكىنزار، يازدا باقساڭ، يېشىل مەخمەل ياپقاندەك. تاۋلىنىدۇ ئۇپۇق سۆيگەن ئالتۇنزار، كۈزدە باقساڭ، زەر دېڭىزى ئاققاندەك.

ئېكىنزارلىق

  • ئېكىنزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىرائەت تېرىلغان، يەر، تېرىقچىلىق مەيدانى:[مىسال:] ئارقىدىنلا قۇم يامغۇرى يېغىپ ئېكىنزارلىقلارنى، باغۇ بوستانلارنى كۆمۈشكە باشلاپتۇ.

ئېكىنلىك

  • ئېكىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېكىن، زىرائەت تېرىلغان يەر، ئېكىنزار.

ئېگەر

  • ئېگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئاساسەن ئاتقا توقۇلىدىغان ئالدى ۋە كەينى قېشى ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس جابدۇق. كۆپىنچە تېرە ۋە ياغاچتىن ياسىلىدۇ:[مىسال:] ئات تاپقۇچە ئېگەر تاپ (ماقال).

ئېگەرنىڭ ئارقا قېشىغا مىنمەك

  • ئېگەرنىڭ ئارقا قېشىغا مىنمەك[يەشمىسى:] ئىشنىڭ ئاخىرىغا ئۈلگەرمەك:[مىسال:] سەنمۇ بوش كەلمىدىڭ، ھەر نېمە بولسا ئېگەرنىڭ ئارقا قېشىغا بولسىمۇ مىندىڭ.

ئېگەر-توقۇم

  • ئېگەر-توقۇم[يەشمىسى:] ئېگەر ۋە توقۇم.[مىسال:]

ئېگەر-جابدۇق

  • ئېگەر-جابدۇق[يەشمىسى:] ئېگەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جابدۇقلار:[مىسال:] بۇ ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ئېگەر-جابدۇقلىرىنىڭ ئۆزىلا مىڭ تىللالىق ئىكەن.

ئېگەرچى

  • ئېگەرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېگەر ياسايدىغان كىشى. [يەشمىسى:] ② ئاقسۇ شەھىرىگە ۋە يەكەن ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى.

ئېگەرچىلىك

  • ئېگەرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەر ياساش ئىشى.

ئېگەرلەتمەك

  • ئېگەرلەتمەك[يەشمىسى:] «ئېگەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن بېرىپ تۆت-بەش ئاتنى ئېگەرلىتىپ كېلەي، ئۇنىڭغىچە سىلەر بۇ يەردە ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار.

ئېگەرلەشمەك

  • ئېگەرلەشمەك[يەشمىسى:] «ئېگەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئالدىراپ ئاتلىرىنى ئېگەرلىشىۋاتاتتى.

ئېگەرلەكلىك

  • ئېگەرلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگەرلەنگەن، ئېگەر توقۇلغان:[مىسال:] ناسىر ئات ئېغىلىدىن ئېگەرلەكلىك بورغۇلنى يېتىلەپ چىقتى.

ئېگەرلەنمەك

  • ئېگەرلەنمەك[يەشمىسى:] «ئېگەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئېگەرلىنىپ بولغان ئېتىنى ھويلىغا قاراپ يېتىلەشكە باشلىدى.

ئېگەرلىك

  • ئېگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىرى بار، ئېگەرلەنگەن:[مىسال:] ئۇ ئېگەرلىك ئاتنى يېتىلىۋالغانىدى.

ئېگەرلىمەك

  • ئېگەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارغا ئېگەر توقۇماق:[مىسال:] ئەتىسى گۆشلىرىمىزنى خالتىلارغا تولدۇرۇپ، خىل قوتازلارنى ئېگەرلىدۇق-دە، ئوتۇن ئەكىلىش ئۈچۈن بوران ئېغىزىغا قاراپ يولغا چىقتۇق.

ئېگىچە

  • ئېگىچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەدە، ئاچا:[مىسال:] پادىشاھنىڭ كىچىك قىزى ئەتىسى ئەتىگەنلىك چايغا ئاتا-ئانىسى ۋە ئېگىچىلىرىنى يەنە چاقىرىپتۇ.

ئېگىچە-سېڭىل

  • ئېگىچە-سېڭىل[يەشمىسى:] ئېگىچە ۋە سېڭىل:[مىسال:] بۇ ئېگىچە-سېڭىللار بىر قورساقتىن چۈشكەن بولسىمۇ، مىجەز-خاراكتېرىدا بىر-بىرىدىن پەرق قىلاتتى.

ئېگىر

  • ئېگىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چايانئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. سۇ بويىدا ئۆسىدۇ، يەر ئاستىدا ئاچ قىزىل يىلتىزسىمان غولى بولىدۇ. يوپۇرمىقى شەمشەر شەكىللىك، گۆشلۈك باشاقسىمان گۈل رېتىدە كېلىدۇ. يىلتىزسىمان غولىنى پۇراقلىق ماتېرىيال قىلغىلى، جۇڭيىدا ئاشقازاننى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى، سىرتتىن ئىشلىتىش ئارقىلىق چىش ئاغرىقى ۋە چىش تۈۋىدىن قان چىقىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى.

ئېگىرتمەك

  • ئېگىرتمەك[يەشمىسى:] «ئېگىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېگىرمەك

  • ئېگىرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاختا، يۇڭ قاتارلىقلارنى سوزۇپ بۇراپ يىپ ھالىتىگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] كۈندۈزى ئېتىزدا ئىشلىدىم، كېچىسى يىپ ئېگىرىپ، دوپپا، كەشتە تىكىپ، پۇل تېپىپ بالىنى باقتىم.

ئېگىرىشمەك

  • ئېگىرىشمەك[يەشمىسى:] «ئېگىرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېگىرىلمەك

  • ئېگىرىلمەك[يەشمىسى:] «ئېگىرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قىز ھېچنېمىگە نەزەر سالماي، ئۆزىنىڭ ئۇچىنى ئېلىپ قارىسا، ئۇچلار چىرايلىق يىپ بولۇپ ئېگىرىلىپ قاپتۇ.

ئېگىز

  • ئېگىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر نۇقتا، جاي، تەكشىلىك قاتارلىقلارغا نىسبەتەن يۇقىرى:[مىسال:] ئېگىز ئادەم. ئېگىز تاغ. ئېگىز تام.[يەشمىسى:] [مىسال:] [يەشمىسى:] ② يۇقىرى، كۈچلۈك:[مىسال:] ئېگىز ئاۋاز.

ئېگىز شاخقا ئېسىلماق

  • ئېگىز شاخقا ئېسىلماق[يەشمىسى:] قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماق:[مىسال:] ئېگىز شاخقا ئېسىلىپ نېمە قىلىسىز، ئۆزىڭىزگە لايىق بىرنى تاپمامسىز

ئېگىز ئوقۇردىن يەم يېمەك

  • ئېگىز ئوقۇردىن يەم يېمەك[يەشمىسى:] ① يۇقىرىغا ئېسىلماق، ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېگىز ئوقۇردىن يەم يېگۈسى كېلەرمىش، تۆۋەنگە قارىغۇچىلىكى يوق.[يەشمىسى:] ② باياشات ياشىماق:[مىسال:] ئۇ خېنىم ئېگىز ئوقۇردىن يەم يەپ چوڭ بولغان، سەن بىلەن مېنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

ئېگىز-پەس

  • ئېگىز-پەس[يەشمىسى:] ① ئېگىز ۋە پەس:[مىسال:] ئېگىز-پەس تاغلار. ئېگىز-پەس يوللار.[يەشمىسى:] ② قالايمىقان:[مىسال:] ئېگىز-پەس سۆزلىمەك.

ئېگىز-پەسلىك

  • ئېگىز-پەسلىك[يەشمىسى:] نامۇۋاپىقلىق، تەكشىسىزلىك؛ تۇراقسىزلىق:[مىسال:] ئەگەر بۇ نۇقتا مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىسا، جازا يا يېنىك بولۇپ قالىدۇ، يا ئېغىر بولۇپ قالىدۇ، ياكى بولمىسا ئېگىز-پەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.

ئېگىزلەتمەك

  • ئېگىزلەتمەك[يەشمىسى:] «ئېگىزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] -تامنى ئېگىزلىتىپ نېمە قىلىسىلەر-دەپ سوراپتۇ ئەپەندىم.

ئېگىزلەشمەك

  • ئېگىزلەشمەك[يەشمىسى:] «ئېگىزلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى

ئېگىزلەنمەك

  • ئېگىزلەنمەك[يەشمىسى:] «ئېگىزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېگىزلىك

  • ئېگىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېگىز جاي، يەر، تۆپىلىك:[مىسال:] پامىر ئېگىزلىكى. * بۇ ئېگىزلىكنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىز ياسىغان يول بار ئىدى.[يەشمىسى:] ② يەر يۈزىدىن بوشلۇقتىكى مەلۇم نۇقتىغىچە بولغان ئارىلىق:[مىسال:] ئۇچۇش ئېگىزلىكى.

ئېگىزلىمەك

  • ئېگىزلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك، ئۆرلىمەك؛ ئۆسمەك:[مىسال:] ئايروپىلان بارغانچە ئېگىزلەپ ئۇچتى. * ئۇ ماڭا ئېگىزلەپ قالغاندەك كۆرۈندى.

ئېگىشمەك

  • ئېگىشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ئەگمەك» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېگىك

  • ئېگىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىلگەن، ئېگىلگەن ھالەتتىكى:[مىسال:] توغرىقى توغراق ئەمەس، شاخى ئېگىك ئانار ئىكەن. يار بىلەن چۆللەرگە بارسام، چۆل ئەمەس، گۈلزار ئىكەن.

ئېگىلەڭگۈ

  • ئېگىلەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەل ئېگىلگەن ياكى ئاسان ئېگىلىدىغان:[مىسال:] قوتازنىڭ پۇتى قىسقا، بېلى ئېگىلەڭگۈ كېلىدۇ.

ئېگىلمەس

  • ئېگىلمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىلمەيدىغان:[مىسال:] ماڭا قاراپ ئېگىلمەس باغدىكى قىزىل ئالما. مەن غېرىب بىچارىنى دوزاخ ئوتىغا سالما.

ئېگىلمەس-سۇنماس

  • ئېگىلمەس-سۇنماس[يەشمىسى:] تىز پۈكمەيدىغان، باش ئەگمەيدىغان:[مىسال:] ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىپتىخارىنى، ئېگىلمەس-سۇنماس ئوغلانىنى داغدۇغا بىلەن قارشى ئېلىپ، بېشىدا كۆتۈرۈپ دېگۈدەك يۇرتىغا ئەكىلىشتى.

ئېگىلمەك

  • ئېگىلمەك[يەشمىسى:] ① «ئەگمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىك ئىلغۇچى ئېگىلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② «ئەگمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] جارۇللا ئىمامنىڭ كېلىنى ھەلىمىخان ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىقىپ قېينانىسىغا ئېگىلىپ سالام بەردى.

ئېگىلمەي-سۇنماي

  • ئېگىلمەي-سۇنماي[يەشمىسى:] تىز پۈكمەي، باش ئەگمەي:[مىسال:] بىز قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئاخىرغىچە ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلىمىز.

ئېگىلىشچان

  • ئېگىلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان ئېگىلىدىغان:[مىسال:] ئېگىز-ئېگىز دەرەخلەر ئېگىلىشچان بولسا، قىزىل-يېشىل يوپۇرمىقى تۆكۈلۈشچان بولسا.

ئېگىلىشچانلىق

  • ئېگىلىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگىلىشچان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ئېگىلىشچانلىق ئۇنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى.

ئېگىن

  • ئېگىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم، كىيىم-كېچەك:[مىسال:] -سىز ئېگىنىڭىزنى پېقىرغا بېرىپ، مېنىڭ ئېگىنلىرىمنى سىز كىيىڭ، ئاندىن قېيىققا چىقايلى، -دېدى ئۇ.

ئېگىن-ئاياغ

  • ئېگىن-ئاياغ[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەك.

ئېڭەك

  • ئېڭەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] يۈزنىڭ شۇنىڭدەك ئېغىزنىڭ ئاستىنقى قىسمى.

ئېڭەك قوشتۇرماق

  • ئېڭەك قوشتۇرماق[يەشمىسى:] ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئېڭىكىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئېڭەكنى باش بىلەن قوشۇپ تاڭماق:[مىسال:] -مۇردىنىڭ ئېڭىكىنى قوۋۇشتۇرۇپ قويۇڭلار، بۇ مۇسۇلمانچىلىق.

ئېڭىكى چۈشمەك

  • ئېڭىكى چۈشمەك[يەشمىسى:] جان چىققاندىن كېيىن ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئېڭىكى ساڭگىلاپ ئاغزى ئېچىلىپ قالماق.

ئېڭىكى چۈشۈپ قالماق

  • ئېڭىكى چۈشۈپ قالماق[يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە سۆزلىمەك:[مىسال:] ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ ئېڭىكىم چۈشۈپ قالاي دېدى.

ئېڭىكىنى تىرەپ قالماق

  • ئېڭىكىنى تىرەپ قالماق[يەشمىسى:] ① غەم-قايغۇغا پاتماق، خىيالغا چۆممەك.[يەشمىسى:] ② ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالماق، قۇرۇق قول قالماق.

ئېڭەكلىك

  • ئېڭەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېڭىكى بار؛ ئېڭىكى يوغان:[مىسال:] ئېڭەكلىك ئادەم.

ئېڭىز

  • ئېڭىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇۋېلىنغان زىرائەتنىڭ يەردە قالغان قىسمى:[مىسال:] بۇغداي ئېڭىزى. * يىراقتا بىرنەچچە تراكتور ئېڭىز ئاغدۇرۇۋاتاتتى.

ئېڭىز تېرىلغۇسى

  • ئېڭىز تېرىلغۇسى[يەشمىسى:] بىر پارچە يەرنىڭ ئۆزىدىلا بىر يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق تېرىپ يىغىۋېلىنىدىغان تېرىقچىلىق ئۇسۇلى.

ئېڭىزلىق

  • ئېڭىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇۋېلىنغان زىرائەتنىڭ ئورنى:[مىسال:] بىرنەچچە قىز-ئوغۇل ئېڭىزلىققا قويۇپ بەرگەن ماللىرىغا قارىغاچ قىرنىڭ ئۈستىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.

ئېڭىش

  • ئېڭىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتناش يولىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى تۆۋەندىن يۇقىرىغا يۆنەلگەن يانتولۇق، داۋان.

ئېڭىشەڭگۈ

  • ئېڭىشەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەل ئېڭىشكەن:[مىسال:] ئېڭىشەڭگۈ ئادەم.

ئېڭىشتۈرمەك

  • ئېڭىشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئېڭىشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېڭىشتۈرۈلمەك

  • ئېڭىشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئېڭىشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېڭىشمە

  • ئېڭىشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېڭىشكەن ياكى ئېڭىشىدىغان:[مىسال:] ئېڭىشمە بۇلۇڭ.

ئېڭىشمەك

  • ئېڭىشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەدەننى ئالدىغا ئېگىپ باشنى تۆۋەن قىلماق، ئېگىلمەك:[مىسال:] ئالدىغا ئېڭىشمەك.

ئېلاستىك

  • ئېلاستىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] سىرتقى كۈچ تەسىر قىلغاندا ئېگىلىپ ياكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ كۈچ يوقالغاندا ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدىغان. ئېگىلىشچان؛ ئەۋرىشىم؛ سوزۇلۇشچان:[مىسال:] ئېلاستىك ماددا. ئېلاستىك تالا. ئېلاستىك ئاقسىل. ئېلاستىك توقۇلما.

ئېلاستىكلىق

  • ئېلاستىكلىق[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېلاستىك خۇسۇسىيەت، ئېلاستىك ھالەت.

ئېلان

  • ئېلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆپچىلىككە يەتكۈزۈش زۆرۈر بولغان خەۋەر؛ ئۇقتۇرۇش، جاكار:[مىسال:] تېلېۋىزوردا كىيىم-كېچەك ئېلانى بېرىلدى.[يەشمىسى:] ② شۇنداق ئۇقتۇرۇش يېزىلغان قەغەز:[مىسال:] كوچىلارغا چاپلانغان ئېلاندىن ئۇ قاتىلغا ئۆ[مىسال:] لۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇم.

ئېلانچى

  • ئېلانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەھنىدە ئورۇنلىنىدىغان نومۇرلارنى ئېلان قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] مەن زالغا كىرگەندە ئېلانچى نۇر ئامىنەمنىڭ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئېللىپس

  • ئېللىپس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەكشىلىكتىكى بىر ھەرىكەتچان نۇقتا A دىن ئىككى قوزغالماس نۇقتا F، F1 غىچە بولغان ئارىلىقلارنىڭ يىغىندىسى بىر تۇراقلىق سانغا تەڭ بولغاندا، بۇ ھەرىكەتچان نۇقتىنىڭ ترايېكتورىيىسى بىر ئېللىپس بولىدۇ. ئىككى قوزغالماس نۇقتا F، F1 ئېللىپسنىڭ فوكۇسلىرى دېيىلىدۇ.

ئېللىپسلىق

  • ئېللىپسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېللىپسقا ئىگە، ئېللىپسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] ئېللىپسلىق پارابولائىد.

ئېللىپسوگراف

  • ئېللىپسوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئېللىپس سىزىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئەسۋاب.

ئېلۈنچۈن

  • ئېلۈنچۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئېلىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى خۇلۇمبىرمىڭ رايونى ۋە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە، چەت ئەللەردىن سىبىرىيىدە ياشايدۇ. ئوۋچىلىق ۋە قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

ئېلۈنچۈنچە

  • ئېلۈنچۈنچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېلۈنچۈلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] ئېلۈنچۈنچە كىيىم. ئېلۈنچۈنچە ئۇسسۇل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېلۈنچۈن تىلى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېلۈنچۈن تىلىنى ئىشلىتىپ، ئېلۈنچۈن تىلىدا:[مىسال:] ئېلۈنچۈنچە سۆزلەشمەك.

ئېلېكتر

  • ئېلېكتر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① زەرەتلەنگەن زەررىچىلەرنىڭ (ئېلېكترون، پروتون ۋە باشقىلارنىڭ) ئۆزئارا تەسىرى ۋە ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن فىزىكىلىق ھادىسىلەر يىغىندىسى؛ شۇ ھادىسىلەر تۈپەيلى بارلىققا كېلىدىغان ئېنېرگىيە تۈرلىرىدىن بىرى:[مىسال:] مۇسبەت ئېلېكتر. مەنپىي ئېلېكتر. ئېلېكتر توكى. ئېلېكتر قۇۋۋىتى. ئېلېكتر لامپىسى. ئېلېكتر قوڭغۇراق.[يەشمىسى:] ② توك قۇۋۋىتى بىلەن يانىدىغان لامپا:[مىسال:] ئېلېكتر نۇرى.

ئېلېكتر پاتېفون

  • ئېلېكتر پاتېفون[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىنىدىغان ھەمدە ئېلېكترلىك پاتىفون بېشى ۋە ئاۋاز چوڭايتىش ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىلىدىغان پاتىفون.

ئېلېكتر پاراۋۇز

  • ئېلېكتر پاراۋۇز[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىنىدىغان پاراۋۇز.

ئېلېكتر دۋىگاتېل

  • ئېلېكتر دۋىگاتېل[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئېلېكتر مېخانىكىلىق ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ، بېرىدىغان ماشىنا. ئۇ يېقىنقى زامان سانائىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئېلېكتر قارشىلىقى

  • ئېلېكتر قارشىلىقى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① جىسىمنىڭ توكنىڭ ئۆتۈشىگە بولغان قارشى تەسىرى. جىسىمنىڭ ئېلېكتر قارشىلىقى ئۇزۇنلۇق، كەسمە يۈزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تېمپېراتۇرا ۋە جىسىم تەركىبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئېلېكتر قارشىلىقىنىڭ بىرلىكى ئوم (). [يەشمىسى:] ② شۇ خىل رولغا ئىگە دېتال.

ئېلېكتر قۇتۇپى

  • ئېلېكتر قۇتۇپى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر مەنبەسى ياكى ئېلېكتر سايمانلىرىدىكى توكنى ئۇلاش ئورنى. باتارىيىدە سىرتقا توك چىقىرىش قۇتۇپى مۇسبەت قۇتۇپ، توك كىرگۈزىدىغان قۇتۇپى مەنپىي قۇتۇپ دېيىلىدۇ.

ئېلېكتر قۇۋۋىتى

  • ئېلېكتر قۇۋۋىتى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توكنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قىلغان ئىشى. بىرلىكى ۋات، ئەمەلىي قوللىنىش بىرلىكى كىلوۋات بولىدۇ.

ئېلېكتر ئىستانسىسى

  • ئېلېكتر ئىستانسىسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ھەر خىل تىپتىكى توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا شەكىلدىكى ئېنېرگىيىنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىدىغان زاۋۇت. ئۇ ئوت ئېلېكتر ئىستانىسىسى، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئاتوم ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق بىرنەچچە خىلغا ئايرىلىدۇ.

ئېلېكترلەشتۈرمەك

  • ئېلېكترلەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جىسمانىي ئەمگەكنى يېنىكلىتىش ھەم ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك تېجەش ئۈچۈن، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە (ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا) ئېلېكتر قۇۋۋىتىنى كەڭ دائىرىدە قوللانماق.

ئېلېكترلەشمەك

  • ئېلېكترلەشمەك[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن جابدۇنماق، ئېلېكتر تورى ھاسىل قىلماق:[مىسال:] ئېلېكترلەشكەن مائارىپ. * ھازىر يېزىلارمۇ ئېلېكترلەشتى.

ئېلېكترلەشكەن مائارىپ

  • ئېلېكترلەشكەن مائارىپ[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئۈنئالغۇ، رادىئو، تېلېۋىزور، پرويېكسىيە ئاپپاراتى، كىنو قاتارلىق ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە.

ئېلېكترلىك

  • ئېلېكترلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان:[مىسال:] ئېلېكترلىك قۇدۇق. ئېلېكترلىك توڭلىتىش ساندۇقى.

ئېلېكتروخىمىيە

  • ئېلېكتروخىمىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] فىزىكىلىق خىمىيىنىڭ بىر تارمىقى. ئاساسەن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن خىمىيىۋى ئېنېرگىيە ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئايلىنىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. باتارىيە، ئېلېكترولىز، ئېلېكتر ئارقىلىق ھەل بېرىش، ئېلېكترلىك نۇسخا ئېلىش، توك بىلەن ئېرىتىش ۋە بەزى خىمىيىۋى ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتروخىمىيىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىدۇر.

ئېلېكترود

  • ئېلېكترود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>قىز<[يەشمىسى:] ئېلېكتر مەنبەسى ياكى ئېلېكتر سايمانلىرىدىكى توكنى ئۇلاش ئورنى. باتارىيىدە سىرتقى توك چىقىرىش قۇتۇپى «مۇسبەت قۇتۇپ»، توك كىرگۈزىدىغان قۇتۇپى «مەنپىي قۇتۇپ» دېيىلىدۇ.

ئېلېكترودىئالىز

  • ئېلېكترودىئالىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېكتر مەيدانىنىڭ تەسىرىدە ئىئون ئالماشتۇرغۇچى پەردىلەردىن پايدىلىنىپ، دىئېلېكترىك ماتېرىيال سۇيۇقلۇقىدىكى ئانىئون ۋە كاتىئونلارنى تاللاپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئايرىۋېلىش جەريانى.

ئېلېكترودىئوگراف

  • ئېلېكترودىئوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئېلېكتروكاردىئوگرافىيە ئۇسۇلىدائىشلىتىلىدىغان مېدىتسىنا ئەسۋابى.

ئېلېكتروزاتور

  • ئېلېكتروزاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] زور مىقداردا ستاتىك ئېلېكتر ھاسىل قىلىدىغان ئۈسكۈنە، مەسىلەن، ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكتروزاتورغا ئوخشاش.

ئېلېكتروسكوپ

  • ئېلېكتروسكوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ زەرەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدىغان ئەسۋاب.

ئېلېكتروفور

  • ئېلېكتروفور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىندۇكسىيىلىك ئېلېكتر ھاسىل قىلىش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاز مىقداردا ستاتىك ئېلېكتر (تىنچ ئېلېكتر) غا ئېرىشىش قۇرۇلمىسى. بىر قاتتىق كاۋچۇك ياكى سارغۇچ قاتارلىق ئىزولياتور ماددىلاردىن ياسالغان دۈگىلەك تەخسە بىلەن ئىزولياتور تاياقچىسى بولغان بىر مېتال تەخسىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئېلېكتروفورېز

  • ئېلېكتروفورېز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكترولىتتا مىنۇس زەرەتلىك كوللوئىد دانىچىلىرىنىڭ مۇسبەت قۇتۇپقا قاراپ سىلجىش ھادىسىسى. خىمىيە سانائىتى، خىمىيىۋى ئانالىز، تېببىي دورىگەرلىك، تېببىي دىئاگنوز قاتارلىقلاردا قوللىنىلىدۇ.

ئېلېكتروكاردىئوگراف

  • ئېلېكتروكاردىئوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئېلېكترودىئوگرافىيىلىك تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىنى گرافىك شەكلىدە كۆرسىتىپ بېرىدىغان مېدىتسىنا ئەسۋابى.

ئېلېكتروكاردىئوگرافىيە

  • ئېلېكتروكاردىئوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] يۈرەكنىڭ سېلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان ئېلېكتر ئىمپۇلىسلارنى گرافىكا ئۇسۇلىدا يېزىپ چىقىپ، يۈرەكنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى.

ئېلېكتروكاردىئوگرامما

  • ئېلېكتروكاردىئوگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئېلېكتروكاردىئوگراف ئارقىلىق يۈرەك سېلىشنىڭ قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن گرافىك تەسۋىرى.

ئېلېكتروگرافىيە

  • ئېلېكتروگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] كىتاب ۋە شۇ قاتارلىق باسما بۇيۇملارنى ئېلېكتر ۋە ماگنىت ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەش جەريانى.

ئېلېكترولىت

  • ئېلېكترولىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سۇدىكى ئېرىتمىسىدە ياكى سۇيۇقلاندۇرۇلغاندا ئېلېكتر ئۆتكۈزىدىغان بىرىكمىلەر، يەنى سۇدىكى ئېرىتمىسىدە ياكى سۇيۇقلاندۇرۇلغاندا ئىئونلارغا ئاجرىلىدىغان بىرىكمىلەر.

ئېلېكترولىز

  • ئېلېكترولىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] تۇز ياكى كىسلاتالارنىڭ ئېرىتمىسىدىن ئېلېكتر توكى ئۆتۈۋاتقاندا، ئېرىتمىنىڭ تەركىبىي قىسىملارغا ئاجرىتىلىش ئۆزگىرىشى.

ئېلېكترولىزلىماق

  • ئېلېكترولىزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] توكنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ بىرىكمىلەرنى پارچىلىماق. مەسىلەن، سۇنى ئېلېكترولىزلىساق ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مېتاللار، تۇزلار ۋە ئاساسلارنى ئاجرىتىپ ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە مېتاللارنى قاپلاشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئېلېكتروماتور

  • ئېلېكتروماتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر دۋىگاتېلى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى مېخانىك ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدىغان ماشىنا.

ئېلېكتروماگنىت

  • ئېلېكتروماگنىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۈستىگە ئورالغان ئىزولياتسىيىلەنگەن سىمدىن توك ئۆتكۈزگەندە ماگنىتلىنىدىغان تۆمۈر ياكى پولات پارچىسى، تۆمۈر ئۈزەكلىك سىم ئورالغان غالتەك.

ئېلېكترومېتىر

  • ئېلېكترومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر زەرەت مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.

ئېلېكترومېخانىكا

  • ئېلېكترومېخانىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر تېخنىكىسىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن ئىشلەيدىغان ئېلېكتروماتور، ئېلېكتر ماشىنىلار ۋە مېخانىزملارنى قۇرۇش ھەم ئۇلاردىن پايدىلىنىش نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدىكى قىسمى، شۇ ھەقتىكى پەن.

ئېلېكترون

  • ئېلېكترون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تۈرلۈك ئاتوملارنى ھاسىل قىلىدىغان بىر خىل ئاساسىي زەررىچە. ماسسىسى ئىنتايىن كىچىك، مەنپىي زەرەتلىك. ئاتومدا ئاتوم يادروسىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ.

ئېلېكترونلۇق

  • ئېلېكترونلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېلېكتروندىن ياكى ئېلېكترون پرىنسىپىدىن پايدىلىنىلغان؛ ئېلېكتروندىن قىلىنغان:[مىسال:] ئېلېكترونلۇق دېتال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېلېكترون ئارقىلىق، ئېلېكترون بىلەن:[مىسال:] ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش.

ئېلېكترونۋولت

  • ئېلېكترونۋولت[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتوم فىزىكىسىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئېنېرگىيە بىرلىكى، يەنى بىر ئېلېكترون ئېلېكتر پوتېنسىئاللار ئايرىمىسى بىر ۋولت بولغان ئېلېكتر مەيدانىدىن ئۆتكەندە ئىگە بولغان ياكى كېمەيگەن ئېنېرگىيە.

ئېلېكترونىكا

  • ئېلېكترونىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] رادىئو تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان، ئېلېكترون ياكى ئىئوننىڭ ھاسىل بولۇشى، ئۆزگىرىشى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئېلېكترون لامپا، تېلېۋىزور، رادىئو، مىكرومېتىر، ئاكسېلېراتور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكترونىكا تەتقىقاتىنىڭ ئوبيېكتى ھەم نەتىجىسىدۇر.

ئېلېكتروئوگول

  • ئېلېكتروئوگول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① ھەر خىل كۆمۈردىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي نامى.[يەشمىسى:] ② سۈنئىي كۆمۈر ۋە گرافىتلارنىڭ ئومۇمىي نامى.

ئېلېكتروۋۇز

  • ئېلېكتروۋۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان پاراۋۇز.

ئېلېكتروئېنسېفالوگراف

  • ئېلېكتروئېنسېفالوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مېڭە پائالىيىتىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان مېدىتسىنا ئەسۋابى.

ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما

  • ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئېلېكترو ئېنسېفالوگراف ئارقىلىق مېڭە پائالىيىتىنىڭ قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن گرافىك تەسۋىرى، نېرۋا ھەرىكىتىنىڭ قەغەزگە چۈشۈرۈلگەن خەرىتىلىك كۆرسەتمىسى.

ئېلېگىيە

  • ئېلېگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] قەدىمكى گرېتسىيىدىكى لىرىك شېئىرلارنىڭ بىر خىلى، يەنى غەمكىن، ئەلەملىك، مۇڭلۇق شېئىر.

ئېلېمېنت

  • ئېلېمېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] خىمىيىۋى ئېلېمېنت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئالگېبرادا بىرلەشمىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرقايسى بۆلەكلەر. مەسىلەن، 723، 312 دىكى 7، 2، 3، 1 لەر؛ گېئومېتىرىيىدە شەكىلنى ھاسىل قىلغۇچى ھەرقايسى بۆلەكلەر. مەسىلەن، ئۈچ بۇلۇڭنى ھاسىل قىلغۇچى تەرەپ ۋە بۇلۇڭلار.[يەشمىسى:] ③ بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغۇچى مۇرەككەپ نەرسىلەرنىڭ ياكى ھادىسىلەرنىڭ تەركىبىي قىسمى.

ئېلېمېنتلار بەلگىسى

  • ئېلېمېنتلار بەلگىسى[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېمېنتلارنى ئىپادىلەشتە قوللىنىدىغان خىمىيىۋى بەلگىلەر. خەلقئارادا ئېلېمېنتلارنىڭ بەلگىلىرى ئۈچۈن بىر تۇتاش ھالدا شۇ ئېلېمېتنىڭ لاتىنچە نامىدىكى بىرىنچى ھەرپنىڭ چوڭ يېزىلىشى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر بىرقانچە ئېلېمېنتنىڭ بىرىنچى ھەرپلىرى ئوخشاش بولسا، ئىككىنچى ھەرپلىرى قوشۇلۇپ، كىچىك يېزىلىدۇ. مەسىلەن، «Cu» مىس ئېلېمېنتقا، «Ca» كالتسىي ئېلېمېنتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى

  • ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېمېنتلار دەۋرىي قانۇنىغا ئاساسەن، بارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم رەت نومۇرى بويىچە جايلاشتۇرۇلغان جەدۋىلى. ئۇنىڭدا ئېلېمنتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىشلىق قانۇنىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئېلېمېنتار

  • ئېلېمېنتار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئىپتىدائىي، باشلانغۇچ:[مىسال:] ئېلېمېنتار ماتېماتىكا. ئېلېمېنتار مەلۇمات.[يەشمىسى:] ② ساددا؛ ئاددىي، ناھايىتى ئاسان:[مىسال:] ئېلېمېنتار مەسىلە.[يەشمىسى:] ③ ئەڭ كىچىك، ئەڭ ئۇششاق:[مىسال:] ئېلېمېنتار زەررىچە.

ئېلىپ

  • ئېلىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەرەب ئېلپبەسىنىڭ بىرىنچى ھەرپى «ا»نىڭ نامى.

ئېلىپنى بە (تاياق) دېيەلمەسلىك

  • ئېلىپنى بە (تاياق) دېيەلمەسلىك[يەشمىسى:] «ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەسلىك»كە قاراڭ.

ئېلىپنى كالتەك دېيەلمەسلىك

  • ئېلىپنى كالتەك دېيەلمەسلىك[يەشمىسى:] «ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەسلىك»كە قاراڭ.

ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەسلىك

  • ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەسلىك[يەشمىسى:] ساۋاتسىزلىق، قارا قورساقلىق:[مىسال:] مەنمۇ ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەي تۇرۇپ بىر ئەترەتنى چۆرگىلىتىپ يۈرۈمەنغۇ

ئېلىپنىڭ سۇنىقىنى تونۇماسلىق

  • ئېلىپنىڭ سۇنىقىنى تونۇماسلىق[يەشمىسى:] «ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەسلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى تونۇمىغاندىكىن، ھۆججەتلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالماي قالىدىكەنمەن.

ئېلىپبە

  • ئېلىپبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر تىل-يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تىزىلغان يىغىندىسى:[مىسال:] ئۇيغۇر ئېلىپبەسى. قازاق ئېلىپبەسى.[يەشمىسى:] ② باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساۋات چىقىرىش كىتابى:[مىسال:] باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىقىنىڭ 1-مەۋسۈمىدە ئېلىپبە، ھېساب دەرسلىرى ئۆتۈلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشلانغۇچ ساۋات:[مىسال:] تارىخنىڭ ئېلىپبەسىنى ئەمدىراق بىلگەندەك قىلىمەن.

ئېلىپبە جەدۋىلى

  • ئېلىپبە جەدۋىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئېلىپبەلىك يېزىقتا بەلگىلەنگەن ھەرپلەرنىڭ رەت تەرتىپى، نامى ۋە ئومۇمىي شەكلى كۆرسىتىلگەن جەدۋەل.

ئېلىپبەلىك

  • ئېلىپبەلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېلىپبەسى بار، ھەرپ بەلگىلىرى بولغان، ئېلىپبەسى بولغان:[مىسال:] ئېلىپبەلىك يېزىق.

ئېلىپتەك

  • ئېلىپتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېلىپكە ئوخشاش تۈپتۈز، تۈز:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېلىپتەك قاڭشىرى، بۇلاقتەك كۆزلىرى، ئويماقتەك ئاغزى، قوشۇما قاشلىرى ھەرقانداق ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدۇ.

ئېلىپساتار

  • ئېلىپساتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئېلىپ+ساتار[[يەشمىسى:] تىجارەتچى، سودىگەر:[مىسال:] 45 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئېلىپساتار بەكلا ئاق كۆڭۈل كىشى ئىكەن.

ئېلىپساتارلىق

  • ئېلىپساتارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېلىپ-سېتىش يەنى سودا ئىشى.

ئېلىپ-سېتىش

  • ئېلىپ-سېتىش[كەسىپ تۈرى:] [كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] سېتىۋېلىنغان نەرسىنى قايتا سېتىش مەشغۇلاتى.

ئېلىشⅠ

  • ئېلىشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئېلىش ئەمىلى.

ئېلىشⅡ

  • ئېلىشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] توغان، توما بېشىدا بۆلۈنگەن سۇنى باشلاش.

ئېلىشⅢ

  • ئېلىشⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھارۋىنىڭ شوتىسى.

ئېلىشتۇرماق

  • ئېلىشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئېلىشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېلىشما

  • ئېلىشما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالماشقان، ئالماشتۇرۇلغان ياكى ئالماشتۇرىدىغان:[مىسال:] ئېلىشما ئىبارە.

ئېلىشماق

  • ئېلىشماق[يەشمىسى:] ① «ئالماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بازاردىن ئالما ئېلىشىپ قايتىشتى.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا ئۇرۇشماق؛ كۈرەش قىلماق:[مىسال:] دۈشمەن بىلەن ئاخىرغىچە ئېلىشىمىز.[يەشمىسى:] ③ رىقابەتلەشمەك؛ تەڭ تۇرماق:[مىسال:] بۇ سودىدا سەن بىلەن ئېلىشقىنىم ئېلىشقان.

ئېلىشىش

  • ئېلىشىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] جىددىي ھەم كەسكىن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان جەڭ.

ئېلىق

  • ئېلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] باج، ئالۋان.

ئېلىك

  • ئېلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بۇغىنىڭ بىر خىلى. قۇلىقى بىلەن كۆزى چوڭ، بوينى ئۇزۇن، قۇيرۇقى قىسقا، ئارقا پۇتى ئالدى پۇتىدىن ئۇزۇن، قىشلىق تۈكى بېغىر رەڭ قوڭۇر، يازلىق تۈكى قىزغۇچ بولىدۇ. ساغرىسى ئاقۇچ كۈل رەڭ كېلىدۇ. ئەركىكىنىڭ مۈڭگۈزى بولىدۇ. يېشىل چۆپ، مېۋە ھەم موگۇلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

ئېلىڭ-سېلىڭ

  • ئېلىڭ-سېلىڭ[يەشمىسى:] ① تازا مىجەزى يوق، ساقسىز:[مىسال:] ئۇ بىرنەچچە كۈن بولدى ئېلىڭ-سېلىڭ يۈرگىلى.[يەشمىسى:] ② كۈچسىز، ماغدۇرسىز:[مىسال:] ئەزىز ئۆزىنى راۋۇرۇس تۇتۇشقا قانچە تىرىشقان بىلەن پۇتلىرى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمىغان ھالدا ئېلىڭ-سېلىڭ ئىدى.

ئېلىم

  • ئېلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېلىش ئىشى، ئالىدىغىنى:[مىسال:] بېرىمىدىن ئېلىمى كۆپ.

ئېلىم-بېرىم

  • ئېلىم-بېرىم[يەشمىسى:] كىشىلەر ئۆتتۇرىسىدىكى ئېلىش-بېرىش مۇناسىۋىتى:[مىسال:] ئۇ كۆڭلى تۈز، ئەقىدىلىك ئادەم بولغاچقا، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدا ھالال، قائىدە-يوسۇنلاردا يوللۇق ئىدى.

ئېلىم-سېتىم

  • ئېلىم-سېتىم[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئالاقىدا بىر تەرەپ (ساتقۇچى تەرەپ) مالنى ئىككىنچى تەرەپكە (سېتىۋالغۇچىغا) سېتىپ بېرىدىغان، ئىككىنچى تەرەپ مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ پۇلىنى تۆلەيدىغان قانۇنىي ھەرىكەت.

ئېلىنغۇچى

  • ئېلىنغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر ساندىن ئىككىنچى بىر ساننى ئېلىۋەتكەن ۋاقىتتىكى ئەسلىدىكى سان. مەسىلەن، 2=5-7 ئەمىلىدىكى 7 ئېلىنغۇچىدۇر.

ئېلىنماق

  • ئېلىنماق[يەشمىسى:] «ئالماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئالەمدىن ئۆتكەنلەر ھامان ئەسكە ئېلىنىدۇ.

ئېلىۋەتمەك

  • ئېلىۋەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىرنەرسىنى ئىككىنچى نەرسىدىن چىقىرىۋەتمەك:[مىسال:] ئاشقا چۈشۈپ قالغان قىلنى ئېلىۋېتىڭ.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىرنەرسىنى بىركىمگە سۇنۇپ بەرمەك:[مىسال:] كىتابنى ماڭا ئېلىۋېتىڭ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ مەلۇم بۆلىكىنى (كېسەللەنگەن) ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىۋېتىشكە قارىتىلىدۇ.

ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ قىلماسلىق

  • ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ قىلماسلىق[يەشمىسى:] پەقەت كۆزگە ئىلماسلىق، زادىلا ياراتماسلىق:[مىسال:] -ماڭا ئىشەنمەمسىز-دېدى ئۇ تامدەك تاتىرىپ، -ئۇ نېمە قىلسىمۇ قىلسۇن، ئۇنى سىزنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىڭىزغا تەڭ قىلمايمەن.

ئېمال

  • ئېمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۋارتس، دالا شپاتى، سىلترا (NaNO3) ۋە ناترىي كاربوناتلارغا قوغۇشۇن بىلەن قەلەينىڭ ئوكسىدلىرىنى قوشۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان بىر خىل ماددا. مىس ياكى كۈمۈش قاچىلارغا سۈركەپ، كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ھەر خىل رەڭدىكى زىننەت، نەقىشلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

ئېماللىق

  • ئېماللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېمالى بار، ئېمالغا ئىگە:[مىسال:] ئېماللىق سىر.

ئېمان

  • ئېمان[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىك[يەشمىسى:] ھاۋا ياكى ئېرىتمىلەرنىڭ تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپ رادون پاسسىپ گازىنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ بىرلىكى (E m).1 ئېمان 1 لىتىر ھاۋا ياكى ئېرىتمە تەركىبىدىكى 10 كيۇرى رادونغا ياكى بىر ماخقا تەڭ.

ئېمەن

  • ئېمەن[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «ئېمەن پىلىسى»گە قاراڭ.

ئېمەن پىلىسى

  • ئېمەن پىلىسى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆي بىلەن قۇرتىدىن سەل چوڭراق ھاشارات، ئېمەن دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يەيدۇ. ئۇ قوشۇپ چىقارغان مەشۇت توقۇمىچىلىقنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.

ئېمبارگو

  • ئېمبارگو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[يەشمىسى:] دۆلەت تەرىپىدىن چەت ئەل تاۋارلىرىنى كىرگۈزۈش ياكى ئاچىقىپ كېتىشنى چەكلەش ياكى چەت دۆلەتلەرگە قاراشلىق مۈلۈكنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇش؛ بايقۇت.

ئېمبرىئولوگىيە

  • ئېمبرىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] جىنسلىق كۆپىيىدىغان جانلىقلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال تەرەققىياتى جەريانىدىكى ئۇرۇقلىنىشتىن باشلاپ يېتىلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆزگىرىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئادەتتە «ھايۋانلار ئېمبرىئولوگىيىسى» ۋە «ئۆسۈملۈكلەر ئېمبرىئولوگىيىسى» دەپ ئايرىلىدۇ.

ئېمبول

  • ئېمبول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] قان تومۇرغا تىقىلىپ كەپلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا. قان ئۇيۇملىرى ۋە يات جىسىملارنىڭ ھەممىسى ئېمبول بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئېمبولىيە

  • ئېمبولىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بەدەن سىرتىدىن قان تومۇرلارغا كىرىۋالغان ماددىلار ياكى قان تومۇر، يۈرەك ئىچىدىن ئاجراپ چۈشكەن قان ئۇيۇملىرى قان بىلەن ئېقىپ كېلىپ، كىچىك تومۇرلارغا كەپلىشىپ قېلىپ پەيدا قىلىدىغان قان تومۇر توسۇلۇش ھادىسىسى.

ئېموتسىئونال

  • ئېموتسىئونال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئېموتسىيىلەرگە، ھېس-تۇيغۇلارغا تولغان، ئېموتسىيىنى، ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدىغان؛ جۇشقۇن.

ئېموتسىيە

  • ئېموتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ھېس-تۇيغۇلار بىلەن تولغان ئېموتسىئونال نۇتۇق. ئومۇمەن كىشىنىڭ ھېس-تۇيغۇسى ۋە كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنىدۇ.

ئېمۇلسىيە

  • ئېمۇلسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل سۇيۇقلۇقنىڭ ئۇششاق تامچىلىرىنى باشقا بىر خىل سۇيۇقلۇققا تەكشى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان سۇيۇقلۇق. ئادەتتە ئۇ لايقىلىنىدۇ. ئۇزۇن تۇرغۇزۇلسا، ئۇلارنىڭ تەركىبىي قىسمى سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنىڭ ھەر خىللىقى بويىچە ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ.

ئېمۇلسىيىلەشتۈرۈش

  • ئېمۇلسىيىلەشتۈرۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئىلگىرى ئارىلاشمىغان ئىككى خىل سۇيۇقلۇقنى ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل سۇيۇقلۇقنى ئۇششاق دانىچىگە ئۆزگەرتىپ باشقا بىر خىل سۇيۇقلۇق ئىچىگە تەكشى تارىتىش جەريانى. مەسىلەن، سوپۇن سۈيى بىلەن ماينى تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ، ماينى ئۇششاق دانىچە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، سوپۇن سۈيىدە ئۈزۈپ يۈرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە ئوخشاش.

ئېمۇلسىيىلەشتۈرمەك

  • ئېمۇلسىيىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئېمۇلسىيىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېمۇلسىيىلەشمەك

  • ئېمۇلسىيىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا ئارىلاشمايدىغان ياكى ئارىلاشمىغان ئىككى خىل سۇيۇقلۇقنىڭ بىرسى ئۇششاق دانىچە ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈشئارقىلىق يەنە بىر خىل سۇيۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىغا تەكشى تارالماق، ئارىلاشماق.

ئېمۇلسىيىلىگۈچى

  • ئېمۇلسىيىلىگۈچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېمۇلسىيىلەش رولىنى ئوينايدىغان، ئېمۇلسىيىلەيدىغان. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېمۇلسىيىلەشتۈرۈلگەن ئېرىتمە. ئادەتتە سۇ بىلەن ماينىڭ ئارىلاشما سۇيۇقلۇقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى خىل تىپى بولىدۇ. بىرى سۇنىڭ ماي ئىچىگە تارىلىشى؛ يەنە بىرى ماينىڭ سۇ ئىچىگە تارىلىشى.

ئېمۇلسىيىلىمەك

  • ئېمۇلسىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر خىل سۇيۇقلۇقنىڭ ئۇششاق دانىچىلىرىنى باشقا بىر خىل سۇيۇقلۇق ئىچىگە تەكشى تارىتىش ئارقىلىق باشقا بىر خىل سۇيۇقلۇق ھاسىل قىلماق.

ئېمىتمەك

  • ئېمىتمەك[يەشمىسى:] «ئەممەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالا ئېمىتمەك. * ئۇنى مەن ئېمىتىپ چوڭ قىلغان. * بۇ بالىنى كىم ئېمىتتى

ئېمىتىلمەك

  • ئېمىتىلمەك[يەشمىسى:] «ئېمىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئېمىزەك

  • ئېمىزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېمىزگۈ.

ئېمىزگۈ

  • ئېمىزگۈ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بالىلارغا سۈت، بۇلماق قاتارلىق سۇيۇق يېمەكلىكلەرنى ئىچكۈزىدىغان بوتۇلكا شەكىللىك قاچا.[يەشمىسى:] ② بوۋاقلارنى يىغلاتماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويۇلىدىغان، رېزىنكىدىن ھاۋا ئۆتمەيدىغان قىلىپ ياسالغان بۇيۇم.

ئېمىشمەك

  • ئېمىشمەك[يەشمىسى:] «ئەممەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سامانلىقتا بىرقانچە كۈچۈك بىر قانجۇقنى ئېمىشىۋاتاتتى.

ئېمىلداش

  • ئېمىلداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئانىنى (بىر ئەمچەكنى) ئېمىپ چوڭ بولغان بالىلار:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن ئېمىلداش بولىمەن.

ئېمىلداشلىق

  • ئېمىلداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزئارا بىر ئانىنى (بىر ئەمچەكنى) ئېمىش:[مىسال:] ئېمىلداشلىق مۇناسىۋەت.

ئېن

  • ئېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر تۈردىكى ئورگانىك بىرىكمىلەر. ئۇلارنىڭ كاربون-كاربون قوش باغلىق تۈزۈلۈشى ۋە تۇيۇنمىغانلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ئېنە

  • ئېنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئانا، ئاپا.

ئېنتالپىيە

  • ئېنتالپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تېرمودىنامىكا سىستېمىسىدىكى بىر خىل ھالەت پارامېتىرى. بەلگىسى H.

ئېنتروپىيە

  • ئېنتروپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تېرمودىنامىكا سىستېمىسىنىڭ ھالىتىنى تەسۋىرلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار، يەنى مۇئەييەن شەرت ئاستىدا جەرياننىڭ داۋاملىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىقلايدىغان بەلگە. بەلگىسى .S

ئېنتومولوگىيە

  • ئېنتومولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، كلاسسىفىكاتسىيىسى، فىزىئولوگىيىسى، كېسەللىكلىرى، زەھەرلىنىش يوللىرى، گېنېتىكىسى ۋە كۆپىيىش تەرەققىياتى قاتارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، زىيانلىق ھاشاراتلارنى كونترول قىلىش، پايدىلىق ھاشاراتلاردىن پايدىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلىدۇرۇش توغرىسىدىكى پەن.

ئېنتېرۋال

  • ئېنتېرۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئىككى مۇزىكىلىق ئاۋاز ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋاز ئېگىزلىك مۇناسىۋىتى. ئادەتتە «گرادۇس» ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئاددىي نوتىدا 1 دىن 1 گىچە ياكى 2 دىن 2 گىچە بىر گرادۇس؛ 1 دىن 3 كىچە ياكى 2 دىن 4 كىچە ئۈچ گرادۇس؛ 1 دىن 5 كىچە بەش گرادۇس بولىدۇ.

ئېندوسپورا

  • ئېندوسپورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بەزى تاياقسىمان باكتېرىىيىلەر ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدە شەكىللىنىدىغان تۇخۇمسىمان ياكى دۈگىلەك سپورا. بۇ خىل سپورا تەبىئىي شارائىتتا ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىنىدۇ. مۇۋاپىق شارائىتتا ئېندوسپورا يېرىلىپ يېڭى باكتېرىيە ئۆسۈپ چىقىدۇ.

ئېنزىم

  • ئېنزىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار تېنىدىكى ھۈجەيرىلەردە ھاسىل بولىدىغان يېلىمسىمان ئورگانىك ماددا. ئاقسىلدىن تۈزۈلىدۇ. سۇدا ئېرىيدۇ. ئورگانىزمدا بولۇۋاتقان ئوكسىدلىنىش، ھەزىم قىلىش، ئېچىتىش قاتارلىق خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن كاتالىزاتورلۇق رول ئوينايدۇ.

ئېنسىتات

  • ئېنسىتات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يانتو ياقلىق پروكسېننىڭ خىمىيىلىك تەركىبى Mg2[Si2O6]تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ رەڭگى كۆكۈچتىن قوڭۇر يېشىل، قوڭۇر قارىغىچە بولىدۇ. ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە. سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 1.3 - 5.3؛ قاتتىقلىقى 6 5.

ئېنسىكلوپېدىيە

  • ئېنسىكلوپېدىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىلىم-پەننىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى بىرەر ساھە بويىچە كەڭ، تولۇق مەلۇمات بېرىدىغان لۇغەت تىپىدىكى ئىلمىي توپلام؛ قامۇس:[مىسال:] ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسى. بۈيۈك بېرتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسى.

ئېنسىكلوپېدىيىلىك

  • ئېنسىكلوپېدىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنسىكلوپىدىيەخاراكتېرىگە ئىگە؛ ئېنسىكلوپىدىيىگە خاس، شۇنىڭغا تەئەللۇق.

ئېنېرگېتىكا

  • ئېنېرگېتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] پەن-تېخنىكا، سانائەت، ئومۇمەن، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، ئۇزىتىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ساھەسى.

ئېنېرگىيە

  • ئېنېرگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل فىزىكىلىق مىقدار. ئادەتتە ماددىلارنىڭ ئىش قىلىش ئىقتىدارى دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئېنېرگىيىنىڭ ئاساسىي تىپلىرى: پوتېنسىئال ئېنېرگىيە، ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ماگنىت ئېنېرگىيىسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى، خىمىيىلىك ئېنېرگىيە ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بىر خىل ئېنېرگىيە يەنە بىر خىل ئېنېرگىيىگە ئۆزگىرەلەيدۇ. ئېنېرگىيىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قۇۋۋەت بىرلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئېنېرگىيىچىلىك

  • ئېنېرگىيىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ⅩⅨئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىنⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تارقىلىپ يۈرگەن بىر خىل ئىدېئالىستىك ئىدىيىۋى ئېقىم. ئۇ فىزىكىلىق ئىدېئالىزمنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى بولۇپ، ھەرىكەت بىلەن ماددىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ئېنېرگىيە تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇردىكى بارلىق ھادىسىلەرنى ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ.

ئېنىتېلېفىئا

  • ئېنىتېلېفىئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرې[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ھايات كۈچ نەزەرىيىسى دېگەن ئىدېئالىستىك تەلىماتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھاياتنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى بولغان سىرلىق غەيرىي ماددىي «ھاياتىي كۈچ» كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئېنىق

  • ئېنىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاتاسى يوق، توغرا، دەل، نەق:[مىسال:] ھېسابى ئېنىق. ۋاقتى ئېنىق. گېپى ئېنىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جەزمەن، چوقۇم، شۇبھىسىز:[مىسال:] بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەردە قونۇپ قالىدىغانلىقىمىز ئېنىق ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم، ئوچۇق:[مىسال:] بۇ كىتابنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكى ئېنىق.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۆرگىلى، ئاڭلىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە، ئاشكارا، ئوچۇق:[مىسال:] ئېنىق ئاڭلىماق.

ئېنىقسىز

  • ئېنىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىق بولمىغان، ئېنىق ئەمەس:[مىسال:] ئېنىقسىز تەڭلىمە.

ئېنىقسىزلىق

  • ئېنىقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېنىق ئەمەسلىك، مەلۇم بولماسلىق:[مىسال:] ئېنىقسىزلىق ھېس قىلماق.

ئېنىقلاتماق

  • ئېنىقلاتماق[يەشمىسى:] «ئېنىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئېنىقلاش

  • ئېنىقلاش[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ماددىي ئىسپات ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغان ئىز، نەرسە ياكى جەسەتنى تەكشۈرۈش، شۇ ئارقىلىق جىنايەت پاكىتلىرىنى تېپىش ۋە تەتقىق قىلىش، جىنايەت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش، ئاخىرىدا جىنايەتنى پاش قىلىش جەريانلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئېنىقلاشماق

  • ئېنىقلاشماق[يەشمىسى:] «ئېنىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئېنىقلانغۇچى

  • ئېنىقلانغۇچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىقلىنىدىغان، ئېنىقلىنىش ئوبيېكتى بولغان:[مىسال:] ئېنىقلانغۇچى ئۇقۇم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىدە ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، ئۇلار تەرىپىدىن ئېنىقلىنىدىغان سۆز، مەسىلەن، «گۈزەل ۋەتەن» دىكى «ۋەتەن» سۈپەتنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ، ئۇ تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ كەلگەن. شۇڭا بۇ يەردە «گۈزەل» سۆزى ئېنىقلىغۇچى، «ۋەتەن» سۆزى بولسا ئېنىقلانغۇچىدۇر.

ئېنىقلانماق

  • ئېنىقلانماق[يەشمىسى:] «ئېنىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ دېلو ئاخىرى ئېنىقلاندى.

ئېنىقلىغۇچى

  • ئېنىقلىغۇچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان، ئېنىقلايدىغان:[مىسال:] ئېنىقلىغۇچى كىشى. ئېنىقلىغۇچى گۇرۇپپا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرىدىن بىرى، يەنى ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنە دائىرسىنى چەكلەپ، ئېنىقلاپ كېلىدىغان جۈملە بۆلىكى.

ئېنىقلىق

  • ئېنىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېنىق، ئوچۇق بولۇش:[مىسال:] بۇ ئىشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس.

ئېنىقلىما

  • ئېنىقلىما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىقلىنىدىغان؛ ئېنىقلانغان:[مىسال:] ئېنىقلىما ھۆكۈم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] بىر خىل شەيئىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدىكى ياكى بىر ئۇقۇمنىڭ مېغىزى بىلەن ھەجمى توغرىسىدىكى ئېنىق ھەم ئىخچام چۈشەندۈرۈش، تەبىر.

ئېنىقلىماق

  • ئېنىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى، سەۋەب-نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ، سۈرۈشتۈرۈپ بىلمەك:[مىسال:] مەن ئەينى چاغلاردىكى بىرمۇنچە ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئېنىقلاپ، ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى.

ئېنىمەك

  • ئېنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەن سالماق، بەلگە ئۇرماق.

ئېھ

  • ئېھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ ھالسىزلىنىش، ئاغرىقتىن ئازابلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شاھزادە:[مىسال:] ئېھ، ئېھ، .. سۇ سۇ جىگىرىم قۇرۇپ كەتتى، ئاھ، ۋايجان. دەپ نالە قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② ئېچىنىش، يالۋۇرۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] -نېمىشقا ئېھ خۇدا، توۋا ئەجەبا نېمىشقا ئىكەنلىكىنى تېخىچە چۈشەنمىسىڭىز.

ئېھتىرام

  • ئېھتىرام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا قىلىنغان يۈكسەك ھۆرمەت؛ ئىززەت-ئىكرام:[مىسال:] ئېھتىرام بىلدۈرمەك. ئېھتىرام قىلماق.

ئېھتىلام

  • ئېھتىلام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چۈشىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ مەنىي ئېقىپ كېتىش:[مىسال:] ئېھتىلام بولماق.

ئېھتىمال (ئېھتىمالى)

  • ئېھتىمال (ئېھتىمالى)[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلگە ئېشىش، يۈز بېرىش، رېئاللىققا ئايلىنىش ئىمكانىيىتى، مۇمكىنلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئېھتىمالى بار.

ئېھتىمالدىن يىراق

  • ئېھتىمالدىن يىراق[يەشمىسى:] مۇمكىنچىلىكى ئاز، ئىمكانىيىتى يوق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەتىلا يېتىپ كېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق.

ئېھتىمالغا يېقىن

  • ئېھتىمالغا يېقىن[يەشمىسى:] مۇمكىن، مۇمكىنچىلىكى بار:[مىسال:] ئۇنىڭ مۇشت كۆتۈرۈپ غوۋغا چىقىرىشى ئېھتىمالغا يېقىن.

ئېھتىماللاشماق

  • ئېھتىماللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۆلچەرلەنمەك، پەرەز قىلىنماق:[مىسال:] ئۇزاققا سوزۇلۇشى ئېھتىماللىشىپ بولغان ۋە پات-پات ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش قىيىن ئىدى.

ئېھتىماللىق

  • ئېھتىماللىق[يەشمىسى:] ① «ئېھتىمال» سۆزىنىڭ ئابستراكت ئىسىم شەكلى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ۋەقە (ھادىسە) ئوخشاش شارائىت ئاستىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن ياكى يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن. يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئىپادىلەيدىغان مىقدار ئادەتتە ئېھتىماللىق دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر تۇخۇمدىن چىققان چۈجىنىڭ ئەركەك ياكى چىشى بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى

  • ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى. سانلىق مىقدارلار نۇقتىسىدىن ھادىسىلەرنىڭ ئېھتىماللىق قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدا كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ.

ئېھتىيات

  • ئېھتىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يىراقنى كۆرۈپ، ئالدىنى ئېلىپ ئىش قىلىش؛ پەخەس:[مىسال:] ئېھتىيات قىلماق.

ئېھتىياتەن

  • ئېھتىياتەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئېھتىيات ئۈچۈن، ئېھتىيات قىلىپ:[مىسال:] گەرچە زۆرۈر بولمىسىمۇ ئېھتىياتەن بىر ئىككى دوختۇر چاقىرماقچىمەن.

ئېھتىياتچان

  • ئېھتىياتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر ئىشقا ئېھتىيات بىلەن قارايدىغان، ئېھتىيات قىلىدىغان:[مىسال:] ئېھتىياتچان ئادەم.

ئېھتىياتچانلىق

  • ئېھتىياتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېھتىيات قىلىش، بەك ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش مىجەز، ئادىتى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېھتىياتچانلىقى ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا نەمۇنە بولۇپ قالدى.

ئېھتىياتسىز

  • ئېھتىياتسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېھتىيات قىلماي:[مىسال:] ئېھتىياتسىز تۇرۇپ قاپتىمەن.

ئېھتىياتسىزلىق

  • ئېھتىياتسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېھتىيات قىلماسلىق، بىپەرۋالىق:[مىسال:] مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتىمەن.

ئېھتىياتلىق

  • ئېھتىياتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەخەس بولۇش، ئېھتىيات قىلىش:[مىسال:] ئۇ ئۇياق-بۇياققا قاراپ، ئېھتىياتلىق بىلەن شورىدىن باغقا چۈشۈپتۇ.

ئېھتىياج

  • ئېھتىياج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە بولغان تەلەپ، ھاجەت، زۆرۈرىيەت، موھتاجلىق:[مىسال:] ئېھتىياجى چۈشمەك. ئېھتىياجىدىن چىقماق.

ئېھتىياجسىز

  • ئېھتىياجسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېھتىياجى يوق، كېرىكى يوق:[مىسال:] ئېھتىياجسىز مال. * ياق، بىزدە خادىملار تولۇق ئېھتىياجسىز ئادەملەرنى ئالمايمىز.

ئېھتىياجلىق

  • ئېھتىياجلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لازىملىق، لازىم بولىدىغان:[مىسال:] ئېھتىياجلىق ماللار. ∥ بۇ ماللار بىزگە بەك ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ.

ئېھرام

  • ئېھرام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① پرامىدا. [يەشمىسى:] ② ھەجگە بېرىشتىن بۇرۇن مەلۇم ۋاقىت ئەتىر سېپىش، چاچ-ساقاللىرىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلاردىن ۋاز كېچىش ۋە مىسىر، ئىراق قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى چېگرىلىرىغا يەتكەندىن كېيىن ئاق كىيىمگە، تىكىلمىگەن ئاق ئەن رەختلەرگە ئورىلىش.[يەشمىسى:] ③ شۇنداق ئاق رەختنىڭ ئۆزى.

ئېھسان

  • ئېھسان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋغا قىلغان ياخشىلىق، خەيرلىك ئىش، ھەدىيە:[مىسال:] ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېتىم-يېسىرلارغا ئىنئام ۋە ئېھسانلار قىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى.

ئېئون

  • ئېئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] جاھان، ئالەم.

ئېۋالد

  • ئېۋالد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] «ئېۋالد سفېراسى»غا قاراڭ.

ئېۋالد سفېراسى

  • ئېۋالد سفېراسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كرىستالدىن ئېلاستىك چېچىلغان X نۇر دەستىلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئانالىز قىلىدىغان گرافىكا ئۇسۇلىدىن چىقىرىلغان سفىرىك يۈز.

ئېۋەن

  • ئېۋەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كەم جاي، كەمچىلىك؛ نۇقسان؛ ئەيىب:[مىسال:] ئېۋەن قويماق. ئېۋەن تاپماق. * چىرايلىقنىڭمۇ بىر يېرىدە ئېۋىنى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] دېتاللارنىڭ بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى بەلگىلىمىگە توغرا كەلمەيدىغان يېتەرسىز تەرىپى، قىسمى:[مىسال:] ئېۋەن پىچىقى.

ئېۋەنسىز

  • ئېۋەنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېۋىنى يوق، ئەيىبسىز:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئېۋەنسىز توپلىيى پارقىراپ تۇراتتى.

ئېۋەنلىك

  • ئېۋەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېۋىنى بار، ئەيىب-نۇقسانلىق.

ئېۋفوربىيە

  • ئېۋفوربىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئېۋفوربىيە چاتقىلى»غا قاراڭ.

ئېۋفوربىيە چاتقىلى

  • ئېۋفوربىيە چاتقىلى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۈتلۈكئوت ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال.

ئېۋفېمىزم

  • ئېۋفېمىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] توغرىدىن-توغرا ئېيتىشقا بولمايدىغان ياكى بىۋاسىتە ئېيتىش بىئەپ، قۇلايسىز بولغان سۆزلەرنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىش ياكى دېمەكچى بولغان سۆزنى ئەينەن ئېيتماي، شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئېيتىش ئارقىلىق دېمەكچى بولغان مەقسەتنى ئىپادىلەش. مەسىلەن، «تۇغماق» سۆزى ئورنىغا «يەڭگىمەك»، «كۆزى يورۇماق» دېگەندەك سۆزلەرنى، «ئۆلمەك» سۆزى ئورنىغا «ۋاپات بولماق، ئالەمدىن ئۆتمەك، تۈگەپ كەتمەك...» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش.

ئېۋكالىپت

  • ئېۋكالىپت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئېۋكالىپت دەرىخى»گە قاراڭ.

ئېۋكالىپت دەرىخى

  • ئېۋكالىپت دەرىخى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مىرتا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. غولى ئېگىز ھەم تۈز كېلىدۇ.

ئېۋگلىنا

  • ئېۋگلىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] توختام سۇلاردا ياشايدىغان بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋان. تېنى يېشىل، ئۇرچۇقسىمان، تېنىدە خلوروفىل ماددىسى بار. فوتوسىنتېز رولىغا ئىگە. ئالدى قىسمىدا قىزغۇچ كۆز توچكىسى ۋە بىر تال ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن كەلگەن قامچا تۈكى بولۇپ، ھەرىكەت ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ.

ئېۋگېنىكا

  • ئېۋگېنىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەۋلادنىڭ ئىرسىيەتلىك خۇسۇسىيىتىگە تەسىر قىلىدىغان ھەر خىل ئۇسۇللارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئېۋودىيە

  • ئېۋودىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئېۋودىيە دەرىخى»گە قاراڭ.

ئېۋودىيە دەرىخى

  • ئېۋودىيە دەرىخى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سوزاپ ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېۋىسى قۇرۇق مېۋە بولۇپ، كىچىك ھەم قىزىل كېلىدۇ ۋە دورا قىلىنىدۇ. قورساق ئاغرىقى، ئىچ سۈرۈش، ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىقى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى.

ئېۋوليۇتسىيە

  • ئېۋوليۇتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنىڭ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش جەريانى.[يەشمىسى:] ② جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە. ئاساس سالغۇچى كىشى ئەنگلىيىلىك بىئولوگىيە ئالىمى دارۋىن. ھازىرقى زامان بىئولوگىيە ئىلمى يەنە خىلمۇخىل دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاساسلىق كۆز قارىشى: «ئەڭ دەسلەپكى جانلىقلار جانسىزلاردىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. ھەر خىل جانلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەجدادى بىر، جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزگىرىش، ئىرسىيەت ۋە تەبىئىي تاللىنىش ئارقىلىق تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، تۈرلىرى ئاز بولۇشتىن كۆپ بولۇشقا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان» دېگەندىن ئىبارەت.

ئېۋېنكې

  • ئېۋېنكې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خۇلۇمبېرمىڭ ناھىيىسى ۋە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نېخې ناھىيىسىگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئېۋېنكېچە

  • ئېۋېنكېچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېۋېنكېلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] ئېۋېنكېچە ئۇسسۇل. ئېۋېنكېچە ئادەت. ئېۋېنكېچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېۋېنكې تىلى:[مىسال:] ئۇ ئېۋېنكېچىنى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېۋېنكې تىلىنى ئىشلىتىپ، ئېۋېنكې، تىلىدا:[مىسال:] ئۇلار ئېۋېنكېچە سۆزلىشىپ كەتتى.

ئېيتارلىق

  • ئېيتارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېيتىلىدىغان، ئېيتىدىغان، ئېيتىش كېرەك بولغان.

ئېيتايلۇق

  • ئېيتايلۇق[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] مەسىلەن، مىسالەن:[مىسال:] ئەگەر باشقىچە بىر شارائىتتا بولۇپ قالغان بولسام، ئېيتايلۇق، سېنىڭ ئورنۇڭدا بولۇپ قالىدىغان بولسام، مەن بۇنچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتمايتتىم.

ئېيتقۇزماق

  • ئېيتقۇزماق[يەشمىسى:] «ئېيتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇغداي نېنى ياخشى، ئېيتقۇزىدۇ ناخشى (ماقال).

ئېيتقۇسىز

  • ئېيتقۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان، ھەدىدىن تاشقىرى:[مىسال:] ئۇلار تۈنۈگۈنكى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدى.

ئېيتماق

  • ئېيتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوي-پىكرىنى، مەقسىتىنى ئاغزاكى بايان قىلماق، گەپ قىلماق، دېمەك:[مىسال:] ئاشىق ئايالغا ئۆزىنىڭ كەلگەن يېرىنى ۋە كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② تەلەپپۇز قىلماق:[مىسال:] بىرەر تىلنى يېڭى ئۆگەنگەندە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى توغرا ئېيتىش كېرەك.[يەشمىسى:] ③ تەكلىپ قىلماق، چاقىرماق:[مىسال:] تويغا ئېيتماق. چايغا ئېيتماق. نەزىرگە ئېيتماق.[يەشمىسى:] ④ بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ ئۇنى پېئىللاشتۇرۇپ «يوللىماق، يەتكۈزمەك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سالام ئېيتماق. ئۆزرە ئېيتماق. گەپ ئېيتماق.

ئېيتقىنىڭ كەلسۇن

  • ئېيتقىنىڭ كەلسۇن[يەشمىسى:] «دېگىنىڭدەك بولسۇن» دېگەن مەنىدىكى ياخشى تىلەكنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە:[مىسال:] ئىلاھىم، ئېيتقانلىرى كەلسۇن، دېدى شامەخسۇت.

ئېيتماقچى

  • ئېيتماقچى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دېمەكچى، دەپ ئۆتمەكچى، سۆزلىمەكچى:[مىسال:] ئۇ ئاخىرى ئەھۋالنى شاھزادىگە ئېيتماقچى بولدى.

ئېيتىشماق

  • ئېيتىشماق[يەشمىسى:] ① «ئېيتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەركىم ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتىشتى.[يەشمىسى:] ② سەن-پەن دېيىشمەك، تاكاللاشماق، زىتلاشماق، قېرىشماق:[مىسال:] ئۇ بىرھازا ئېيتىشىپ ئاران قۇتۇلۇپ چىقىپ كەتتى.

ئېيتىشىش

  • ئېيتىشىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىككى ئادەم ياكى ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ناخشىچىلىرى ناخشا ئېيتىشتا بەسلىشىپ قارشى تەرەپنىڭ ناخشىسىغا ناخشا بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر خىل شەكلى.[يەشمىسى:] ② ئىككى ئادەم ياكى ئىككى گۇرۇپپا ناخشىچىلار بىر-بىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش شەكلىدە ئورۇنلىنىدىغان ناخشا.

ئېيتىلماق

  • ئېيتىلماق[يەشمىسى:] «ئېيتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تولىمۇ ياڭراق ۋە ھېسسىياتلىق ئېيتىلغان بۇ ناخشا ھەرقانداق ئادەمگە كۈچلۈك تەسىر قىلاتتى.

ئېينىشتېين

  • ئېينىشتېين[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مىلادىيە 1879 1955-يىللاردا ياشىغان فىزىكا ئالىمى، گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. 1940-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.

ئېينىشتېين نىسبىيلىك پرىنسىپى

  • ئېينىشتېين نىسبىيلىك پرىنسىپى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تەبىئىي قانۇنلارنىڭ ھەر خىل پايدىلىنىش سىستېمىلىرىدىكى شەكىللىرىنىڭ ئوخشاش بولۇش پرىنسىپى.

ئېينىشتېينىي

  • ئېينىشتېينىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. (einsteinium) Es. گېلىي يادروسى ئارقىلىق ئۇران قاتارلىقلارنى بومباردىمان قىلىپ ئېلىنىدۇ. رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

ئېيىق

  • ئېيىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بېشى چوڭ، قۇيرۇقى قىسقا، تۆت ئايىغى توم ھەم قىسقا، پۇت ئالىقىنى ئىنتايىن چوڭ كېلىدۇ. بارماقلىرى ئۇچىدا ئىلمەكلىك تىرناقلىرى بولىدۇ. دەرەخقە چىقالايدۇ. ئاساسەن ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، مېۋە-چېۋىلەرنىمۇ يەيدۇ. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، قوڭۇر ئېيىق، ئاق ئېيىق، قارا ئېيىق قاتارلىق تۈرلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئېيىقتاپان

  • ئېيىقتاپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئېيىق+تاپان[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆسۈملۈك تۈپى زەھەرلىك، دورا قىلىشقا بولىدۇ.

ئېيىقئۈزۈمى

  • ئېيىقئۈزۈمى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئېيىق+ئۈزۈم+ى[[يەشمىسى:] ① كاككۇكگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. مېۋىسى قارامتۇل سۆسۈن، تاتلىق، يېيىشكە بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئېيىل

  • ئېيىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلاغنىڭ تۆش ۋە قورساق قىسمىدىن تارتىلىدىغان باغ.