ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

9 د 🔗

د

داپⅠ

داپ يارماق

دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماق

دېپىنى چالماق

داپⅡ

داپەندە

داپچى

داپچىلىق

داپخۇن

داپ-دۇمباق

داپشاق

داپشاقلىق

داپشايتماق

داپشايماق

داپقۇر

داپكەش

داپكەشلىك

داپلاتماق

داپلاشماق

داپلانماق

داپلىماق

دات

داتاڭ

داتسىت

داتلاشتۇرماق

داتلاشماق

داجىتماق

داجىشماق

داجىماق

داجياڭ

داچا

داچەن

داخان

داخانلىق

داخشالماق

داخىركالۋار

داخىل

داد

دادا

دادەن

دادەنلىك

داد-پەرياد

دادخاھ

دادخور

دادخورلۇق

دادگاھ

دادلاتماق

دادلاشماق

دادلانماق

دادلىماق

داد-مۇئامىلە

دادۇر

دادۇر-پۇرچاق

دادۈي

دادۈيجاڭ

دادۈيجاڭلىق

دادىكا

دادىل

دادىللاشماق

دادىللىق

دادىلىق

دار

داردىن قاچقان

دارا

داراتتىخ

داراز

دارازا

داراق

داراقلىماق

داراڭ

داراڭ-دۇرۇڭ

داراڭلاتماق

داراڭلىماق

دارامەت

دارامەتسىز

دارامەتلىك

دارايى

دارچىن

دار-دار

داردايتماق

داردايماق

دارقا

دارقىراتما

دارقىراتماق

دارقىرىماق

دارقىلىق

دارۋاز

دارۋازلىق

دارۋىنىزم

دارىتما

دارىتماق

دارىتمىلاشماق

دارىتمىلىماق

دارىلئاجىزىن

دارىلداتماق

دارىلدىماق

دارىلفۇنۇن

دارىلمۇئەللىمىن

دارىلئۇلۇم

دارىلئېتام

دارىماقⅠ

دارىن

داسⅠ

داسⅡ

داستان

داستانچى

داستانچىلىق

داستانلىق

داستى

داستىخان

داستىخان كۆرگەن

داستىخىنى چوڭ

داستىخىنى كەڭ

داستىخىنى يوق

داسسۆڭەك

داسلانماق

داسلىماق

داشⅠ

داشⅡ

داشقال

داشقاللاشماق

داشقاللىق

داشقايناق

داشۆ

داشياۋ

داغⅠ

داغⅡ

داغال

داغدام

داغدۇغا

داغدۇغىسىز

داغدۇغىلىق

داغدىرىماق

داغسىز

داغلاتماق

داغلاشماق

داغلانماق

داغلىق

داغلىماق

داغمال

داغماللاتماق

داغماللاشماق

داغماللانماق

داغماللىماق

داغۇر

داغۇرچە

داغۇل

داغۇللۇق

داغۋاز

داغۋازلىق

داغى

داقⅠ

داقⅡ

داقا-داقاڭ

داقا-دۇققا

داقا-دۇمباق

داقاق

داقاڭ

داقاڭشىتماق

داقاڭشىماق

داقاڭڭىدە

داقال

داقاللىق

داق-دۇق

داققالچى

داكا

داگۇر

داڭⅠ

داڭⅡ

داڭⅢ

داڭⅣ

داڭدار

داڭق

داڭقى چىقماق

داڭقان

داڭقان پۇتى

داڭگال

داڭگۇي

داڭگىر-دۇڭگۇر

داڭلاتماق

داڭلاشماق

داڭلانماق

داڭلىق

داڭلىماق

داڭىلداتماق

داڭىلدىماق

دال

دالا

دالا-تۈز

دالاسى

دالالەت

دالالەتچى

دالان

دالانچە

دالانلىق

دالايماق

دالبېرگىيە

دالتەك

دالجىماق

دالدا

دالدا بولماق

دالداقاشماق

دالداقىماق

دالدىلانماق

دالۋايⅠ

دالۋايⅡ

دالۋايلاتماق

دالۋايلاشماق

دالۋايلىماق

دامⅠ

دامⅡ

داماس

دامان

دامان ساقال

دامبا

دام-تۇزاق

دامجۇق

دامخور

دامخورلۇق

دام-دام

دامكا

دامكرات

داملاتماق

داملاشماق

داملانماق

داموللا

دان

دانا

داناكچا

دانالىق

دانە

دانە-دانە

دانچە

دانچۇق

دانخور

دانسىز

دانلاتماق

دانلاشماق

دانلىق

دانلىماق

دانىخورەك

دانىش

دانىشمەن

دانىشمەنلەرچە

دانىشمەنلىك

دانىكا

دانىلىق

دانىلىماق

دانىمۇدانە

داھىي

داھىيانە

داھىيانىلىك

داھىيلىق

داۋاⅠ

داۋاⅡ

داۋاⅢ

داۋاⅣ

داۋاسىز

داۋالاتماق

داۋالاشماق

داۋالانماق

داۋالغۇتماق

داۋالغۇشماق

داۋالغۇلۇق

داۋالغۇماق

داۋالىق

داۋالىماق

داۋام

داۋامەت

داۋاملاشماق

داۋاملىق

داۋامىدا

داۋانⅠ

داۋانⅡ

داۋانⅢ

داۋ-دەرەخ

داۋراڭ

داۋراڭچى

داۋراڭچىلىق

داۋراڭسىز

داۋزىچوپ

داۋغان

داۋلى

داۋلىسىز

داۋلىسىزلىق

داۋلىلاشماق

داۋلىلىق

داۋۇل

داۋېي

داۋىخور

داۋىخورلۇق

داۋىماق

دائىر

دائىرە

دائىرىلەنمەك

دائىرىلىك

دائىرىلىمەك

دائىم

دائىما

دائىملاشتۇرماق

دائىملاشماق

دائىملىق

دائىمىي

دائىمىي كومىتېت

دايمال

دايۈەنشۇەي

دايى

دايىماق

دە

دەبدەبە

دەبدەبىلىك

دەپ

دەپ قويماق

دەپ كەتمەك

دەپ كەلسە گەپ تولا

دەپتەر

دەپتەرچە

دەپتەردار

دەپتەر-قەلەم

دەپتىن

دەپسە

دەپسەتمەك

دەپسەك

دەپسەنⅠ

دەپسەنⅡ

دەپسەندە

دەپسەندىلىك

دەپسەنگە

دەپشىمەك

دەپنەⅠ

دەپنەⅡ

دەپئى

دەپىنە

دەپىنە-دۇنيا

دەتالاش

دەتالاشماق

دەتتە-دەتتە

دەتتىكام

دەججال

دەخلى

دەخلى-تەرۇز

دەخلىسىز

دەخلىسىزلىك

دەخمىزە

دەخۋىچى

دەر

دەرەبزۇن

دەرەخ

دەرەخسىز

دەرەخلىك

دەرەش

دەرەڭگە

دەربەدەر

دەربەست

دەرپەردە

دەرد

دەردىگە دەرمان بولماق

دەرد-ئەلەم

دەرد-ئەھۋال

دەرد-پىراق

دەرد-پىغان

دەردداش

دەردسىز

دەردلەشمەك

دەردلىك

دەردمەن

دەردمەنلىك

دەرد-ھەسرەت

دەردۇئەلەم

دەردۇبالا

دەردىسەر

دەررە

دەررۇ

دەررىلەتمەك

دەررىلەنمەك

دەررىلىمەك

دەرس

دەرسخانا

دەرسلىك

دەرغەزەپ

دەرقەم

دەرقەمتە

دەركار

دەرگاھ

دەرگۇمان

دەرگۇماندا

دەرگۇمانلىق

دەرمان

دەرمانسىز

دەرمانسىزلاشماق

دەرمانسىزلاندۇرماق

دەرمانسىزلانماق

دەرمانسىزلىق

دەرمانلانماق

دەرمەھەل

دەرمەھەللىككە

دەرھال

دەرھەقىقەت

دەرۋازا

دەرۋازىلىق

دەرۋازىۋەن

دەرۋازىۋەنلىك

دەرۋەقە

دەرۋەڭ

دەرۋىش

دەرۋىشلەرچە

دەرۋىشلىك

دەرىجە

دەرىجە سان

دەرىجىلىك

دەرىجىمۇدەرىجە

دەرىخ

دەرىخا

دەريا

دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي ياندۇرۇپ كەلمەك

دەريادىن بىرتامچە

دەريا-دەريا

دەريالاپ

دەريايى

دەز

دەز كەتمەك

دەزگىل

دەزمال

دەزمالچى

دەزماللاتماق

دەزماللاشماق

دەزماللاقلىق

دەزماللانماق

دەزماللىماق

دەس

دەست

دەستار

دەستارگۈل

دەستەⅠ

دەستەⅡ

دەستە-دەستە

دەستەكⅠ

دەستەكⅡ

دەستەكچى

دەستەكچىلىك

دەستىگاھ

دەستىگاھلىق

دەستۇر

دەستىدە

دەستىدىن

دەستىلەتمەك

دەستىلەشمەكⅠ

دەستىلەشمەكⅡ

دەستىلەكلىكⅠ

دەستىلەكلىكⅡ

دەستىلەنمەكⅠ

دەستىلەنمەكⅡ

دەستىلىك

دەستىلىمەكⅠ

دەستىلىمەكⅡ

دەسسەتمەك

دەسسەشمەك

دەسسەلمەك

دەسسىمەك

دەسلەپ

دەسلەپتە

دەسلەپكى

دەسلەپكى قەدەمدە

دەسلىپىدە

دەسمال

دەسمالچى

دەسماللاتماق

دەسماللاشماق

دەسماللانماق

دەسماللىق

دەسماللىماق

دەسمايە

دەسمايە غالتەككە چىقماق

دەسمايىسىز

دەسمايىلىك

دەشت

دەشت-باياۋان

دەشت-چۆل

دەشتۇسەھرا

دەشنەم

دەقىقە

دەقىقىلىك

دەقيانۇس

دەقيانۇستىن بېرى

دەقيانۇستىن قالغان

دەكچەك

دەككە

دەككە-دۈككە

دەككە-دۈككىلىك

دەگدەك

دەڭ

دەڭجا

دەڭجالىق

دەڭسەتمەك

دەڭسەشمەك

دەڭسەلمەك

دەڭسەيچى

دەڭسىمەك

دەڭگىدۈگە

دەڭگىرەك

دەڭگىرەكلىمەك

دەل

دەلتە

دەلتىلىك

دەل-دەرەخ

دەل-دەرەخلىك

دەلدەڭ

دەلدەڭلەشمەك

دەلدەڭلىمەك

دەلدۈش

دەلدۈشلۈك

دەلدۈگۈنمەك

دەلدۈڭ

دەلدۈڭلۈك

دەللال

دەللاللىق

دەللە

دەللەتمەك

دەللەشمەك

دەللەنمەك

دەللىك

دەللىلىك

دەللىڭ

دەللىمەك

دەلمۇدەل

دەلۋە

دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمى

دەلۋىدىۋانە

دەلىل

دەلىلسىز

دەلىللەتمەك

دەلىللەشمەك

دەلىللەنمەك

دەلىللىك

دەلىللىمەك

دەلىل-ئىسپات

دەلىل-ئىسپاتسىز

دەلىل-ئىسپاتلىق

دەمⅠ

دەمⅡ

دەم تۇتماق

دەم سالماق

دەم يېمەك

دېمىنى ئىچىگە يۇتماق

دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك

دەمال

دەماللىققا

دەمبەدەم

دەمبەس

دەمدان

دەمدەر

دەم-دەم

دەمساز

دەمسىقما

دەملەتمەكⅠ

دەملەتمەكⅡ

دەملەشمەكⅠ

دەملەشمەكⅡ

دەملەشمەكⅢ

دەملەنمەكⅠ

دەملەنمەكⅡ

دەملىك

دەملىمەكⅠ

دەملىمەكⅡ

دەممۇدەم

دەمىدە

دەن

دەند

دەندان

دەندانە

دەندەتمەك

دەندەشمەك

دەندىمەك

دەھر

دەھرىي

دەھرىيلىك

دەھشەت

دەھشەتلىك

دەھلىز

دەھلىزلىك

دەۋا

دەۋا-دەستۇر

دەۋاگەر

دەۋاگەرلىك

دەۋالاشماق

دەۋەت

دەۋەتچى

دەۋەتنامە

دەۋرⅠ

دەۋر سۈرمەك

دەۋر قىلماق

دەۋرⅡ

دەۋران

دەۋرەتمەك

دەۋرەشمەك

دەۋرداش

دەۋرلىك

دەۋرىمەك

دەۋرىي

دەۋرىي ئونلۇق كەسىر

دەۋرىيلەنمەك

دەيدەي

دەيدەيچى

دەيدەيلىمەك

دەيزۇ

د د ت

د د ۋ

دراپ

درامخما

دراما

دراماتۇرگ

دراماتۇرگىيە

درامىچىلىق

درامىلاشتۇرماق

دۋارىد

دۋارىد تىللىرى سىستېمىسى

دوⅠ

دوⅡ

دوبدۇلماق

دوبرا

دوپبېگى

دوپپا

دوپپىسى سۇغا چىلاشماق

دوپپىسىغا جىگدە سالماق

دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتماق

دوپپىسىنى ئال دېسە بېشىنى ئالىدىغان

دوپپىسىنى قىرلاپ يۈرمەك

دوپپىچان

دوپپىچى

دوپپىچىلىق

دوپپىلىق

دوتەي

دوتەيلىك

دوتسېنت

دوتسېنتلىق

دوختۇر

دوختۇرخانا

دوختۇرلۇق

دودەن

دودەنلەشتۈرمەك

دودەنلەشمەك

دودەنلىك

دودىلانماق

دور

دورا

دوراتماق

دورا-دەرمان

دورا-دەرمەك

دوراشماق

دورام

دورامچۇق

دورامچۇقلۇق

دورامچى

دورامچىلىق

دورە

دورەم

دورەمقى

دورداي

دوردايتماق

دوردايتىشماق

دوردايماق

دورغا

دورغىلىق

دورىپۇرۇش

دورىپۇرۇشلۇق

دورىخانا

دورىشۇناس

دورىشۇناسلىق

دورىگەر

دورىگەرلىك

دورىلاتماق

دورىلاشماق

دورىلانماق

دورىلىق

دورىلىماق

دورىماق

دوزاخ

دوزىخىي

دوژنا

دوست

دوستانە

دوستانىلىك

دوست-ئاغىنە

دوست-بۇرادەر

دوست-دۈشمەن

دوستلارچە

دوستلاشتۇرماق

دوستلاشتۇرۇلماق

دوستلاشماق

دوستلۇق

دوست-يار

دوست-يارەن

دوسكا

دوشاپⅠ

دوشاپⅡ

دوغ

دوغا

دوغاپ

دوغاپچى

دوغاپچىلىق

دوغداق

دوغدايتماق

دوغدايماق

دوغدىيىشماق

دوغىلاق

دوقⅠ

دوقⅡ

دوقا

دوقاق

دوقال

دوقچى

دوق-دوق

دوقمۇش

دوقمۇش-دوقمۇش

دوقۇرماق

دوقۇرۇشماق

دوقۇسلاتماق

دوقۇلداتماق

دوقۇلداشماق

دوقۇلدىماق

دوكⅠ

دوك ئوق

دوكⅡ

دوكار

دوكپايە

دوكتور

دوكتورلۇق

دوكلات

دوكلاتچى

دوكۇر

دوكۇلداتماق

دوكۇلدىماق

دوگما

دوگماتىك

دوگمىچى

دوگمىچىلىق

دوڭⅠ

دوڭⅡ

دوڭ-دوڭ

دوڭغاس

دوڭغاسلاشماق

دوڭغاسلىماق

دوڭغاق

دوڭغاقلاتماق

دوڭغاقلىماق

دوڭغالچاق

دوڭغالچاقلىماق

دوڭغايتماق

دوڭغايتىلماق

دوڭغايماق

دوڭغىيىشماق

دوڭگۇر

دوڭگۇر-دوڭگۇر

دوڭىلداتماق

دوڭىلدىماق

دولا

دولا چىقارماق

دولىسىنى قاقماق

دولانا

دولقۇن

دولقۇنسىمان

دولقۇنلاتماق

دولقۇنلاشماق

دولقۇنلانماق

دولقۇنلۇق

دولقۇنلىماق

دوللار

دولومىت

دومبا

دومباق

دومباق-دومباق

دومبايتماق

دومبايماق

دومبىرا

دومبىرىچى

دومساق

دومسايتماق

دومسايماق

دومسىماق

دومسىيىشماق

دوملاتماق

دوملاشماق

دوملانماق

دوملىماق

دومنىمەش

دومىلاتما

دومىلاتماق

دومىلاشماق

دومىلاق

دومىلاقلاتماق

دومىلاقلاشماق

دومىلاقلىماق

دومىلانما

دومىلانماق

دومىلە

دومىلىما

دومىلىماق

دومىنىئون

دوناي

دونداق

دوۋساق

دوۋسۇن

دوۋۇس

دوۋۇسلىماق

دۇئا

دۇئا-تەكبىر

دۇئا-تەلەپ

دۇئا-تىلاۋەت

دۇئاگۇي

دۇئاگۇيلۇق

دۇئالىزم

دۇئايىبەت

دۇئايىسالام

دۇب

دۇبەن

دۇبەن يامۇل

دۇبليور

دۇبۇلغا

دۇپىي

دۇت

دۇتار

دۇتارچى

دۇتخانا

دۇتلاتماق

دۇتلاشماق

دۇتلانماق

دۇتلىماق

دۇچ

دۇچ كەلمەك

دۇچار

دۇخاۋا

دۇخوپكا

دۇخوۋوي

دۇخوۋوي چالغۇ

دۇخۇلۇر

دۇد

دۇدۇ

دۇدۇق

دۇدۇق-بۇدۇق

دۇدۇقلاتماق

دۇدۇقلاشماق

دۇدۇقلانماق

دۇدۇقلىماق

دۇر

دۇربۇن

دۇردانە

دۇردۇن

دۇررىمارجان

دۇرۇت

دۇرۇس

دۇرۇسلاتماق

دۇرۇسلاشماق

دۇرۇسلانماق

دۇرۇسلۇق

دۇرۇسلىماق

دۇريان

دۇش

دۇشالقا

دۇشقار

دۇشقارچىلىق

دۇغ

دۇغلاشتۇرماق

دۇغلاشماق

دۇغلانماق

دۇفۇ

دۇكات

دۇكان

دۇكان ئايرىماق

دۇكانچە

دۇكانچى

دۇكاندار

دۇڭ

دۇڭزۇ

دۇڭشياڭ

دۇڭلاپ

دۇلدۇل

دۇلۇڭ

دۇمبا

دۇمباق

دۇمباقچى

دۇمباقچىلىق

دۇمبالاتماق

دۇمبالاشماق

دۇمبالانماق

دۇمبالىماق

دۇنيا

دۇنيا ۋاقتى

دۇنيا يۈزىنى كۆرمەك

دۇنياپەرەس

دۇنياپەرەسلىك

دۇنيادەپىنە

دۇنياقاراش

دۇنيالىق

دۇنياۋى

دۇۋانبېگى

دوئېل

دۆ

دۆت

دۆت-كالۋا

دۆتلەشتۈرمەك

دۆتلەشمەك

دۆتلۈك

دۆرەسكەل

دۆرۈلمە

دۆرى

دۆش

دۆشە

دۆشەش

دۆشكەلەتمەك

دۆشكەلەشمەك

دۆشكەلەنمەك

دۆشكەلىمەك

دۆڭ

دۆڭگە چىقماق

دۆڭگە يىقىتماق

دۆڭگە

دۆڭگەتمەك

دۆڭگەشمەك

دۆڭگەلمەك

دۆڭگەي

دۆڭگۈرچەك

دۆڭگىمەك

دۆڭلەتمەك

دۆڭلەشمەك

دۆڭلۈك

دۆڭلىتىلمەك

دۆڭلىمەك

دۆڭمۇدۆڭ

دۆلەتⅠ

دۆلەتⅡ

دۆلەت قۇشى قونماق

دۆلەتلىرى سايىسىدا

دۆلەتلىكⅠ

دۆلەتلىكⅡ

دۆلەتمەن

دۆلەتمەنلىك

دۆلەتنۇر

دۆلىتىڭىزدە

دۆنەن

دۆندۈر

دۆنىجىن

دۆۋە

دۆۋە-دۆۋە

دۆۋىلەتمەك

دۆۋىلەشمەك

دۆۋىلەكلىك

دۆۋىلەنمەك

دۆۋىلىك

دۆۋىلىمەك

دۆيلۈشمەك

دۆيلۈمەك

دۆيۈز

دۆيۈزلۈك

دۈپ

دۈپ-دۈپ

دۈپۈر

دۈپۈر-دۈپۈر

دۈپۈرلەتمەك

دۈپۈرلەشمەك

دۈپۈرلىمەك

دۈپۈلدەتمەك

دۈپۈلدەشمەك

دۈپۈلدىمەك

دۈت

دۈت-دۈت

دۈتۈلدەتمەك

دۈتۈلدىمەك

دۈدۈت

دۈدۈك

دۈدۈيزە

دۈر

دۈر-دۈر

دۈررىدە

دۈركۈن

دۈركىرەشمەك

دۈركىرىمەك

دۈرۈك

دۈرۈك-دۈرۈك

دۈرۈككىدە

دۈرۈلدەتمەك

دۈرۈلدەشمەك

دۈرۈلدىمەك

دۈشەنبە

دۈشەنبە بازار

دۈشەنبىلىك

دۈشمەن

دۈشمەنسىز

دۈشمەنلەرچە

دۈشمەنلەشتۈرمەك

دۈشمەنلەشمەك

دۈشمەنلىك

دۈك

دۈك-دۈك

دۈكۈر

دۈكۈر-دۈكۈر

دۈكۈرلەتمەك

دۈكۈرلەشمەك

دۈكۈرلىمەك

دۈكۈلدەتمەك

دۈكۈلدەشمەك

دۈكۈلدىمەك

دۈگجۈمەك

دۈگدەرەتمەك

دۈگدەرەشمەك

دۈگدەرىمەك

دۈگدەك

دۈگدەيتمەك

دۈگدەيمەك

دۈگدىيىشمەك

دۈگۈلچەك

دۈگىلەتمەك

دۈگىلەشمەك

دۈگىلەك

دۈگىلەنمەك

دۈگىلىمەك

دۈم

دۈمبە

دۈمبىسى ئاپتاپ كۆرمەك

دۈمبىسى قىچىشسا، گەدىنىنى تاتىلايدىغان

دۈمبىسى قىچىشماق

دۈمبەل

دۈمبەلچە

دۈمبەلچەك

دۈمبىجىگەر

دۈمبىچىلەپ

دۈمبىچىلىمەك

دۈمبىلىك

دۈمچە

دۈمچە تۇماق

دۈمچەك

دۈمچەيتمەك

دۈمچەيمەك

دۈمچىيىشمەك

دۈم-دۈم

دۈملەتمەك

دۈملەشمەك

دۈملەنمەك

دۈملىمە

دۈملىمەك

دۈۋەت

دۈۋەت-قەلەم

دۈي

دۈيجاڭ

دۈيجاڭلىق

دۈيزە

دۈيلەشتۈرمەك

دۈيلەشتۈرۈلمەك

دۈيلەشمەك

دۋىگاتېل

دې

دېبۇ

دېبۈت

دېبېت

دېتال

دېتسبېل

دېتسىگرام

دېتسىلىتىر

دېتسىمېتىر

دېتسىمېتىرلىق

دېتسىمىللىمېتىر

دېتېرمىنىزم

دېدەك

دېدەكلىك

دېدۇكسىيە

دېدۇكسىيىلىك

دېدىقتۇرماق

دېدىقماق

دېرەپتا

دېرەك

دېرەكسىز

دېرەكلىمەك

دېرىزە

دېرىزىلىك

دېزىنفېكسىيە

دېزىنفېكسىيىلەتمەك

دېزىنفېكسىيىلەشمەك

دېزىنفېكسىيىلەنمەك

دېزىنفېكسىيىلىمەك

دېسەم-دېمىسەم

دېفورماتسىيە

دېكابىر

دېكاگرام

دېكالىتىر

دېكامېتىر

دېكلاراتسىيە

دېكلاماتسىيە

دېكلاماتسىيىچى

دېكوراتسىيە

دېكوراتور

دېكىسترىن

دېكىنمەك

دېگەن

دېگىنى دېگەن

دېگەنبىلەن

دېگەندە

دېگەندەك

دېگەندىكىدەك

دېگۈچىلىك

دېگۈدەك

دېگۈزمەك

دېڭىز

دېڭىز مىلى

دېڭىز يۇلتۇزى

دېڭىزچى

دېلتا

دېلفىن

دېلو

دېلىغۇل

دېلىغۇللۇق

دېلىگەي

دېمەت

دېمەتلىك

دېمەكⅠ

دېمەكⅡ

دېمەكچى

دېمەككى

دېمەكلىك

دېموكرات

دېموكراتلاشتۇرماق

دېموكراتلاشتۇرۇلماق

دېموكراتلاشماق

دېموكراتىزم

دېموكراتىزمچى

دېموكراتىك

دېموكراتىيە

دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش

دېموكراتىيەلەشتۈرمەك

دېموكراتىيەلەشتۈرۈلمەك

دېموكراتىيەلەشمەك

دېمىسىمۇ

دېمىغىزا

دېندروبىيۇم

دېندروبىيۇم چاتقىلى

دېنگى

دېنگى قىزىتمىسى

دېھقان

دېھقانلار كالېندارى

دېھقانچىلىق

دېۋەڭ

دېۋەڭلىك

دېۋەڭلەشمەك

دېۋەيلەشمەك

دېۋەيلىمەك

دېۋون

دېۋون دەۋرى

دېۋىتماق

دېۋىتىشماق

دېۋىتىلماق

دېۋىرقاي

دېيەرلىك

دېيتېرىي

دېيىشمەك

دېيىلمەك

دىئاباز

دىئابېت

دىئاتومىت

دىئافراگما

دىئاگرامما

دىئاگنوز

دىئاگنوستىكا

دىئاگونال

دىئالوگ

دىئالوگسىز

دىئالوگلۇق

دىئالېكت

دىئالېكتشۇناس

دىئالېكتشۇناسلىق

دىئالېكتىك

دىئالېكتىكىلىق

دىئامېتىر

دىبەن

دىبەيچۇڭ

دىبىق

دىپەي

دىپەيدەك

دىپلوم

دىپلومات

دىپلوماتىك

دىپلوماتىيە

دىپلوملۇق

دىت

دىتسىز

دىتسىزلىق

دىتلاتماق

دىتلاشماق

دىتلانماق

دىتلىق

دىتلىماق

دىجورنى

دىجورنىلىق

دىچۆلياڭ

دىدار

دىدارلاشماق

دىداكتىكا

دىداكتىكىلىق

دىداڭ

دىرⅠ

دىرⅡ

دىرايماق

دىر-دىر

دىرت

دىررىدە

دىرھەم

دىرېكتور

دىرېكتورلۇق

دىرىژابىل

دىرىژور

دىرىژورلۇق

دىرىڭ

دىرىڭدىرىڭ

دىرىڭڭىدە

دىرىڭلاتماق

دىرىڭلاشماق

دىرىڭلىماق

دىرىلداتماق

دىرىلداشماق

دىرىلدىماق

دىرىنارىيە

دىرىنارىيە ئوتى

دىزېل

دىزېلماتور

دىزېلىن

دىزېنتېرىيە

دىسپروزىي

دىستە

دىستىللىمەك

دىستىللياتسىيە

دىسسېرتاتسىيە

دىسسىمىلياتسىيە

دىسكا

دىسكىلىق

دىسلىماق

دىشۋار

دىشۋارچىلىق

دىشۋارلىق

دىغ

دىغمارلىماق

دىغىرىماق

دىففېرېنسىئال

دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرال

دىففېرېنسىيىلىمەك

دىففېرېنسىيىلىنىش

دىففىراكسىيە

دىققەت

دىققەتچلىك

دىققەت-نەزەر

دىققەتسىزلىك

دىققەت-ئېتىبار

دىقماق

دىك

دىكا

دىكتاتور

دىكتاتورا

دىكتاتورىلىق

دىكتور

دىكتورلۇق

دىك-دىك

دىككا-دىككاڭ

دىككىدە

دىكىلەشمەك

دىكىلدەتمەك

دىكىلدەشمەك

دىكىلدىمەك

دىكىلىمەك

دىگەر

دىگەلىمەك

دىڭ

دىڭخۇلۇ

دىڭ-دىڭ

دىڭزىيا

دىڭگايتماق

دىڭگايماق

دىڭگەك

دىڭگۇس

دىڭگۇسلاتماق

دىڭگۇسلاشماق

دىڭگۇسلىماق

دىڭگۇك

دىڭگۇكلاتماق

دىڭگۇكلاشماق

دىڭگۇكلۇق

دىڭگۇكلىماق

دىڭگىر

دىڭگىر-دىڭگىر

دىڭگىرلاتماق

دىڭگىرلىماق

دىڭگىل

دىڭگىيىشماق

دىڭڭىدە

دىڭمۇ

دىڭىلدىماق

دىل

دىلى سۇ ئىچمەك

دىلا

دىلئارام

دىلئازار

دىلبەر

دىلبەند

دىلپارە

دىلتار

دىلجەم

دىلخاھ

دىلخاھلىق

دىلخەستە

دىلخەندە

دىلخۇمار

دىلخىراج

دىلدار

دىلداش

دىلداشلىق

دىلرەبا

دىلشاد

دىلشادلىق

دىلكەش

دىلكەشلىك

دىلكۆيەر

دىلگىر

دىللىق

دىلۇڭ

دىلىستان

دىماغ

دىمىغىدىن دۈت چىقارماق

دىمىغى ئۈستۈن

دىم-دام

دىمىق

دىمىقتا

دىمىقتۇرماق

دىمىقتىلىق

دىمىقچىلىق

دىمىقلىق

دىمىقماق

دىن

دىنا

دىنار

دىنارلىق

دىنام

دىنامومېتىر

دىنامىت

دىنامىكا

دىنامىكىلىق

دىندار

دىنداش

دىنسىز

دىنسىزلىق

دىنشۇناس

دىنشۇناسلىق

دىنوزاۋر

دىنىي

دىئوپترىيە

دىئورىت

دىئورىتلىق

دىۋار

دىۋانⅠ

دىۋانⅡ

دىۋانⅢ

دىۋانە

دىۋانبېگى

دىۋانىلەرچە

دىۋانىلىك

دىۋە

دىۋە-پەرى

دىۋىندۇرماق

دىۋىنماق

دىۋىنىشماق

دىيار

دىيانەت

دىيانەتسىز

دىيانەتسىزلىك

دىيانەتلىك

دىيەك

دىيۇگون

دىيۇيم

دىيۇيملىق

ئىزاھى

د

  • د[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ توققۇزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن توققۇزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «د» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى ۋە بېشىدىن كېلىدىغان شەكلى «د»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىد»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «دې».

  • «د» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۇچى چىش تۈۋى تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتىلىغۇچى تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش.

  • «د» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • چەت تىللاردىن قوبۇل!قىلىنغان بىر قىسىم سۆزلەر يەككە ھالىتىدە ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا تەلەپپۇزدا «ت» ئېيتىلىدۇ، سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا ئەسلىگە قايتىپ «د» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مۇنداق سۆزلەر تۈرلەنمەي تۇرغان ھالەتتە بولسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇشلار باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغان ھالەتتە بولسۇن، ئاخىرىدىكى تاۋۇشى ئەسلىدىكىسى بويىچە «د» يېزىلىدۇ، لېكىن «ت» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تۈرلىنىشى تەلەپپۇزى

  • ئەۋلاد ئەۋلادتىن ئەۋلات

  • ئىقتىساد ئىقتىسادچان ئىقتىسات

  • تەنقىد تەنقىدى تەنقىدى

داپⅠ

  • داپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] قول بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ياغاچ قاسقانغا تېرە قاپلاپ ياسىلىدىغان چالغۇ ئەسۋابى:[مىسال:] داپ چالماق.

داپ يارماق

  • داپ يارماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەك:[مىسال:] كىشىلەر «داڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن داپ يارىدىغان خوتۇن»دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرەتتى.

دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماق

  • دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماق[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئوي-پىكرى، مەيدانىغا مايىل بولماق، شۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلماق:[مىسال:] مۇشۇ يىللاردا سوپىلارنىڭ ھەرىكىتى ئەدەپ كەتتى. مەجىتكە ئوخشاش گول ئاغىنىلىرىمىزمۇ ھەدېسىلا ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولۇۋالدى.

دېپىنى چالماق

  • دېپىنى چالماق[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ تەرىپىنى ئالماق، شۇ تەرەپ بولۇپ گەپ قىلماق:[مىسال:] ئۇ بىر نېمىڭىز ئۆتۈپ كەتكەن تەرسا نېمىكەنغۇ، يەنە كېلىپ، تەشۋىقات دۈيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ دېپىنى چالىدىكەن.

داپⅡ

  • داپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داپ شەكىللىك قىر-تىرگەن سېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق سايمىنى.

داپەندە

  • داپەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] داپچى.

داپچى

  • داپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داپ چالىدىغان، داپ چېلىشنى ياكى داپ ياساشنى كەسىپ قىلغان كىشى.

داپچىلىق

  • داپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داپ چېلىش، داپ ياساش ئىشى، كەسپى.

داپخۇن

  • داپخۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئوتنىڭ ئوبدان كۆيۈشى ئۈچۈن تونۇرنىڭ ئاستى تەرىپىدىن قويۇلغان شامال تۆشۈكى.

داپ-دۇمباق

  • داپ-دۇمباق[يەشمىسى:] داپ، دۇمباق ۋە شۇ قاتارلىق ئۇرۇپ چېلىنىدىغان سازلار:[مىسال:] ئالدىدا بىر پەس داپ-دۇمباق بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىنىپ ساز ئۇسسۇل پەدىسىگە يۆتكىلىپتۇ.

داپشاق

  • داپشاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزى قېلىن، ھاياسىز، بىزەڭ، بىشەم:[مىسال:] ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەردە يۈرۈپ، بىزەڭ ئۆسكەن بۇ داپشاق «قىز»نى ئالىدىغان ئەر چىقمىدى.

داپشاقلىق

  • داپشاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېلىنلىق، بىزەڭلىك:[مىسال:] داپشاقلىق قىز بالىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەيىبى.

داپشايتماق

  • داپشايتماق[يەشمىسى:] «داپشايماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

داپشايماق

  • داپشايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىزەڭلىك قىلماق، بىشەملىك قىلماق:[مىسال:] داپشىيىپ تۇرۇۋېرەمسەن كەتسەڭ بولمامدۇ؟

داپقۇر

  • داپقۇر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] نۆۋەت، قېتىم:[مىسال:] بىرىنچى داپقۇر مېھمانلار كېلىپ بولدى.

داپكەش

  • داپكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئە+پارىسچە[[يەشمىسى:] داپ چالىدىغان ئادەم.

داپكەشلىك

  • داپكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داپ چىلىش ئىشى.

داپلاتماق

  • داپلاتماق[يەشمىسى:] «داپلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تېرىلغۇ ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالدى. كەتمەن-گۈرجەكلەرنى داپلىتىپ تەخ قىلىپ قويايلى.

داپلاشماق

  • داپلاشماق[يەشمىسى:] «داپلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

داپلانماق

  • داپلانماق[يەشمىسى:] «داپلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چۆنەكلەر تارتىلىپ، داپلىنىپ بولدى.

داپلىماق

  • داپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تارتىلغان قىر-تىرگەنلەرنى داپ، كەتمەن قاتارلىقلارنىڭ كەينى بىلەن چىڭدىماق، تەكشىلىمەك، سىلىقلىماق:[مىسال:] ئېرىنىڭ تىل ۋە سىلكىشلىرىگە چىداپ يۈرۈپ، تورغاي بىلەن تەڭ تۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشكۈچە كەتمەنچاپقىنى، زەمبىل كۆتۈرگىنى، يىلتىز تەرگىنى، تاماق سالغىنى، چۆنەك داپلىغىنى، ئۇرۇق سالغىنى ئۇنىڭغا راھەت بېغىشلايدىغان ئىش بولۇپ تۇيۇلىدۇ.[يەشمىسى:] ② كەتمەن، ئوتىغۇچ قاتارلىق بىسلىق دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى بولقا بىلەن چىڭدىماق؛ بىس چىقارماق.

دات

  • دات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈر، مىس قاتارلىق مېتاللارنىڭ يۈزىدە نەم ھاۋانىڭ ئوكسىدلىنىشىدىن شەكىللەنگەن بىر قەۋەت ماددا:[مىسال:] تۆمۈر دېتى. مىس دېتى. * تۆمۈرنى دات يەيدۇ، ئۆمۈرنى دەرد يەيدۇ (ماقال).

داتاڭ

  • داتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يامولنىڭ ئىچىدە ئەرز-شىكايەت ۋە ھەرخىل ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىدىغان زال.

داتسىت

  • داتسىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مىنېرال ۋە خىمىيىۋى تەركىبى كۋارتسلىق دىئورىت ھەم گرانىتلىق دىئورىتقا تەڭ كېلىدىغان ئېتىلما جىنس. ئادەتتە كۈل رەڭ، كۈل رەڭگە مايىل قىزىل قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ.

داتلاشتۇرماق

  • داتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «داتلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قىلىچىڭنى داتلاشتۇرماي دېسەڭ، دائىم بىلەپ تۇر.

داتلاشماق

  • داتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەم ھاۋانىڭ ئوكسىدلىشىدىن تۆمۈر، مىس قاتارلىق مېتاللارنىڭ يۈزىدە بىر قەۋەت ماددا پەيدا بولماق، دات باسماق:[مىسال:] پارتىزانلار كۈن چىققۇچە ئاۋارە بولۇپ، داتلاشقان يەتتە تال مىلتىقلا تاپتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن ئاجىزلاشماق:[مىسال:] مېڭەم داتلىشىپ قاپتۇ، ئۇنتۇپتىمەن، ئەمدى ھوشۇمغا كەلگەندەك بولدۇم.

داجىتماق

  • داجىتماق[يەشمىسى:] «داجىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شىددەت بىلەن تۈرتۈپ كەلگەن سۇ سابىرنى بىرنەچچە مېتىر كەينىگە داجىتىۋەتتى.

داجىشماق

  • داجىشماق[يەشمىسى:] «داجىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار قورقۇشۇپ كېتىپ، ئىتتىك كەينىگە داجىشىپتۇ.

داجىماق

  • داجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چېكىنمەك، كەينىگە سۈرۈلمەك؛ سەل ئارقىغا يىراقلاپ يانداپ ئۆتمەك:[مىسال:] ئېشەك كۈل كۆرسە ئېغىنايدۇ، سۇ كۆرسە داجىيدۇ (ماقال).

داجياڭ

  • داجياڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى بەزى دۆلەتلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى.

داچا

  • داچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] شەھەر ئەتراپىغا ياكى مەنزىرىلىك جايلارغا دەم ئېلىش ئۈچۈن سېلىنغان باغۋارانلىق تۇرالغۇ.

داچەن

  • داچەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① بۇرۇنقى زاماندا ياسالغان، ئوتتۇرىسى تۆشۈك مىس پۇل.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن پۇل-پۈچەك:[مىسال:] يېنىڭدا داچەن بولمىسا غېرىبلىق يامان ئىكەن.

داخان

  • داخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] دۇئا ئوقۇش، ئىسسىق ئۆ تكۈزۈش يولى بىلەن كېسەل داۋالاشنى كەسىپ قىلغان كىشى.

داخانلىق

  • داخانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داخانلارنىڭ كېسەل داۋالاش ئىشى:[مىسال:] مىرزاكېرىم داخان ئۆگەتتىمۇ خۇراپاتلىققا شۇلار باشلاۋاتامدۇ مەنمۇ داخانلىق قىلدىممۇ ياق.

داخشالماق

  • داخشالماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سىلكىنمەك، قېقىلماق.

داخىركالۋار

  • داخىركالۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]داخىل+كالۋار[[يەشمىسى:] ئەپسانىلاردىكى مال-دۇنيا، ئادەم قاتارلىقلارنى سالسىمۇ توشمايدىغان، كۆرۈنۈشى كىچىك خالتا:[مىسال:] مۇختەر كىچىك ھەييار: ماڭا مۇشۇ كىچىككىنە داخىركالۋارىمنى تولدۇرۇپ ئالتۇن بەرسەڭ، ساڭا ياشاشقا يەنە ئاز ۋاقىت بېرىمەن، دەپتۇ.

داخىل

  • داخىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بېرىش، كىرىش، قاتنىشىش:[مىسال:] داخىل بولماق. * بېغىڭغا قوندى كاككۇكمۇ، تويۇڭغا بولغىلى داخىل، يېنىدا ئاشىقى زەينەپ، بولۇپ جۈپ سۆيگۈ-يار كەلدى.

داد

  • داد[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] جىسمانىي ۋە روھىي ئازاب دەستدىن قاتتىق ۋارقىراپ قىلىنغان زار، نالە، پىغان:[مىسال:] جاھان ھۈنەرلىرىدىن ئالغان لەززىتىم شۇ، كالتەك يەپ ئۆگەنگەن ھۈنىرىمدىن دەيمەن «داد».[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قورقۇپ ياكى خەۋپكە يولۇقۇپ ياردەمگە چاقىرىپ توۋلىغان قاتتىق ئاۋاز:[مىسال:] بۇ قارىغۇلار ۋارقىرىشىپ: «ۋاي داد، ئوغرىنىڭ دەستىدىن داد»دېيىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم دەستىدىن قىلىنغان شىكايەت، ئەرز:[مىسال:] ئادىل شاھ دىيارى بەكرىدە مەلىكىسى ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن داد سوراپ ئالەمدىن ئۆتتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىر ئىشىنى مەلۇم قىلىش يۈزىسىدىن ئىجازەت سوراش سۆزى:[مىسال:] داد، پادىشاھىئالەم، دەپتۇ ئوڭ قول ۋەزىر، بىچارە تۈلكە چارباغنىڭ ئارقىسىدىكى ئېرىقتا ياتىدۇ.

دادا

  • دادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پەرزەنتى بار ئەر، ئاتا:[مىسال:] بۇ دادامدىن قالغان راۋابنى، ئۆزۈمدىن ئايرىغۇم كەلمەيدۇ.[يەشمىسى:] ② ئۆزىدىن چوڭ، دادا يوللۇق كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ ئاتاش سۆزى:[مىسال:] دادا، سىلى نەدىن كەلدىلە

دادەن

  • دادەن[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئون كۈرىگە تەڭ كې لىدىغان، دانلىق ئاشلىقلارنى ئۆلچەشتە قوللىنىدىغان سىغىم بىرلىكى:[مىسال:] جامالنىڭ ئون مولۇق بۇغدىيىدىن، بولمىغاندا، توققۇز-ئون دادەن بۇغداي چىقاتتى.

دادەنلىك

  • دادەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دادەن ئۇرۇق كېتىدىغان، دادەن ئۇرۇق چېچىلىدىغان:[مىسال:] بەش دادەنلىك يەر.

داد-پەرياد

  • داد-پەرياد[يەشمىسى:] داد ۋە پەرياد، نالە-زار:[مىسال:] ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، ئوق ئاۋازلىرى بىلەن داد-پەرياد ۋە قىيا-چىيالار توختاپ جىلغىنىڭ ئىچى جىمجىت بولۇپ قالدى.

دادخاھ

  • دادخاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەرز-داد ئېيتقۇچى، شىكايەت قىلغۇچى:[مىسال:] دادخاھنىڭ دەردىگە دەرمان تېپىلماس ھېچقاچان، دادگاھ ئەھلى ئۆزى دەردنى چۈشەنگەن بولمىسا.[يەشمىسى:] ② ئەرز-داد ئىشىتكۈچى، سودىيە:[مىسال:] ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەر ئىچىدە ئىبراھىم دادخاھمۇ بار ئىدى.

دادخور

  • دادخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلار ئۈستىدىن داد-ئەرزىيەت ئېيتىپ، نالە قىلىپ، رەنجىپ يۈرگۈچى:[مىسال:] بۇ دادخور ئاغزى بېسىلماي ھەممىلا يەردە دادلاپ يۈرىدۇ.∥دادخور ئادەم.

دادخورلۇق

  • دادخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىملا باشقىلار ئۈستىدىن دادلاپ يۈرۈش ئىشى:[مىسال:] كەچتە ئوسمان ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندە، مەدەنىيەت ئېرىنى ئىچكىرىكى ئۆيگە ئەكىرىپ، تۇرنىسا ئۈستىدىن دادخورلۇق قىلدى.

دادگاھ

  • دادگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەرز-شىكايەت ۋە جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن؛ سوت:[مىسال:] دادلىسام دادگاھقا سۆزۈم ئۆتمەي، يۇرتۇمدا ساق قېلىشقا كۆزۈم يەتمەي، پاناھ تىلەپ كەلدىم يەنە قۇچىقىڭغا.

دادلاتماق

  • دادلاتماق[يەشمىسى:] «دادلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۇراپ بەگ بۇ يۇرتنى زار قاقشاتقانىدى، دادلاتقانىدى.

دادلاشماق

  • دادلاشماق[يەشمىسى:] «دادلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دادلانماق

  • دادلانماق[يەشمىسى:] «دادلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يەتتە قەلەندەر ئوردىنىڭ ئالدىدا گۈلخان يېقىپ دادلاندى.

دادلىماق

  • دادلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىسمانىي، روھىي ئازاب دەستىدىن ياكى قورققىنىدىن قاتتىق ئاۋاز بىلەن نالە قىلىپ ۋارقىرىماق، پەرياد كۆتۈرمەك:[مىسال:] بىز كوچىدا قالدۇق، يىغلىسام يىغام، دادلىسام دادىم يەتمىدى.[يەشمىسى:] ② بىراۋ ئۈستىدىن رەنجىپ، ئاغرىنىپ نالە قىلماق:[مىسال:] مەن ئايالىمنىڭ مۇنداق دادلاشلىرىغا پەرۋاسىزلىق بىلەن كۈلۈپلا قوياتتىم.

داد-مۇئامىلە

  • داد-مۇئامىلە[يەشمىسى:] باردى-كەلدى، ئالاقە، مۇناسىۋەت، ئېلىم-بېرىم، بېرىش-كېلىش:[مىسال:] داد-مۇئامىلە قىلماق. * ئۇلار كىيىم-كېچەك، داد-مۇئامىلىدە خەلقتىن ئۆزىنى قاتتىق ئاجرىتاتتى.

دادۇر

  • دادۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇرۇقى ئادەتتە سېرىق بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلىش، ماي تارتىش ۋە خىمىيە سانائىتىدە خام ئەشيا قىلىشقا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.

دادۇر-پۇرچاق

  • دادۇر-پۇرچاق[يەشمىسى:] ① دادۇر ۋە پۇرچاق، دادۇر ۋە پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر.[يەشمىسى:] ② دادۇر ۋە پۇرچاقنىڭ ياكى دادۇر-پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەرنىڭ دېنى.

دادۈي

  • دادۈي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① بىرقانچە جۇڭدۈي ياكى شياۋدۈيدىن تەركىب تاپقان تەشكىلىي بىرلىك.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىش دادۈيى. مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى يېزا گۇڭشېلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش دۈيى ئارىلىقىدىكى تەشكىلىي بىرلىك.

دادۈيجاڭ

  • دادۈيجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① دادۈي كوماندىرى.[يەشمىسى:] ② ئىشلەپچىقىرىش دادۈيىنىڭ باشلىقى.

دادۈيجاڭلىق

  • دادۈيجاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دادۈيجاڭغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە، ئەمەل.

دادىكا

  • دادىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] دادىسى، تاغىسى ياكى شۇ قاتارلىق ئەرلەرگە يېقىنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ ئېيتىلىدىغان مۇراجىئەت شەكلى.

دادىل

  • دادىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورقماس، يۈرەكلىك:[مىسال:] دادىل كىشى.∥دادىل سۆزلىمەك.

دادىللاشماق

  • دادىللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارغانسېرى دادىل بولۇپ بارماق:[مىسال:] ئىككىيلەن بىللە ماڭسا، كىشى خېلى دادىللىشىپ قالىدىكەن.

دادىللىق

  • دادىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۈرئەت، شىجائەت:[مىسال:] ئانارگۈل بەگنىڭ ئامبۇردەك قوللىرىنى قايرىپ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن ئېيتتى.

دادىلىق

  • دادىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دادىسى بار، دادىسى ھايات:[مىسال:] ئايىمخان نىياز ئاكىغا قايتا ياتلىق بولغاندىن كېيىن قىزى مەريەم دادىلىق بولۇپ يېتىمسىرىمىدى.[يەشمىسى:] ② دادا بولغۇچى كىشى قىلىشقا ياكى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان، دادىغا خاس:[مىسال:] دادىلىق مۇھەببەت. * بۇ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگۈچە ئوقۇتۇپ، دادىلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلدى.∥دادا، دادا، نېمە دادا داداڭ دادىلىقتىن تانغىنى يوق.

دار

  • دار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① يامان ئات-ئۇلاغلارنى تاقىلاش ۋاقتىدا ئېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئىككى تۈۋرۈك ئۈستىگە كۈندىلەڭ مىخلاپ ياسالغان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ② ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان كىشىنى ئېىسپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ياسالغان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ③ يەرگە تىك ئورنىتىلغان ئېگىز ياغاچقا ئارغامچا-ئارقانلار چىڭ تارتىلىپ ياسالغان، دارۋازلار ماھارەت كۆرسىتىدىغان قۇرۇلما:[مىسال:] كەڭ مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا دار باغلاندى.

داردىن قاچقان

  • داردىن قاچقان[يەشمىسى:] كىشىلەر نەزىرىگە ئىلمايدىغان، كېرەكسىز، يارىماس، بۇزۇق (ئادەم ياكى نەرسە-كېرەك ھەققىدە):[مىسال:] بىزگە نەدىكى داردىن قاچقان بىرىنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇنى قۇبۇل قىلمىدىم، دېدى مۇدىر.

دارا

  • دارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىك چوققىلىق تاغ، تاغنىڭ تىك چوققىلىق جايلىرى؛ بارا:[مىسال:] ئەخمەت قۇتاي قاراقۇرۇم (قاراڭغۇتاغ) تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ يىراق ئىچكى دارىلىرىدا 30 يىل تۇرغانىدى.

داراتتىخ

  • داراتتىخ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سالتاڭ.

داراز

  • داراز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇزۇن.

دارازا

  • دارازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بويى ئېگىز، قامەتلىك، ئۇزۇنتۇرا ئادەم:[مىسال:] توپ ئىچىدىن بويى تېرەكتەك بىر دارازا چىقىپ كەلدى. ∥دارازا ئادەم.

داراق

  • داراق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ياكى باشقا قاتتىق نەرسىلەرگە ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] «داراق»قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چۆچۈپ ئويغاندىم.

داراقلىماق

  • داراقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] داراق قىلماق، داراق قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] كۆتەك ھارۋىنىڭ داراقلىغان ئاۋازى خېلى يەرلەرگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

داراڭ

  • داراڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مېتال تاختا قاتارلىق قاتتىق جىسىملارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ياكى باشقا قاتتىق جىسىملارغا ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.

داراڭ-دۇرۇڭ

  • داراڭ-دۇرۇڭ[يەشمىسى:] داراڭ قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] يەرگە چۈشۈپ كەتكەن لېگەننىڭ داراڭ-دۇرۇڭ قىلغان ئاۋازى تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنى چۆچۈتۈۋەتتى.

داراڭلاتماق

  • داراڭلاتماق[يەشمىسى:] «داراڭلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ چېلەكلىرىنى داراڭلىتىپ سۇغا ماڭدى.

داراڭلىماق

  • داراڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «داراڭ»قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «داراڭ»قىلماق:[مىسال:] داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەردە يۈرۈپتۇ (ماقال).

دارامەت

  • دارامەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىرىم، تاپاۋەت:[مىسال:] ئائىلىمىزنىڭ دارامىتى يىلمۇيىل ئېىشپ بارماقتا.

دارامەتسىز

  • دارامەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دارامىتى يوق، دارامەت تەگمەيدىغان:[مىسال:] دارامەتسىز ئىشتىن ئىتمۇ زېرىكىدۇ.

دارامەتلىك

  • دارامەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دارامىتى بار، دارامەت كەلتۈرىدىغان:[مىسال:] دارامەتلىك ئوقەت.

دارايى

  • دارايى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆرۈشى خام يىپەك، ئارقىقى ئىشقارلانغان يىپەكتىن توقۇلغان يوللۇق ئاق نېپىز رەخت:[مىسال:] دارايى كۆڭلەك. دارايى ياغلىق.

دارچىن

  • دارچىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كامفارا ئائىلىسىدىكى دائىم يېىشل تۇرىدىغان دەرەخ. قوۋزىقى قوۋزاق دارچىن دېيىلىدۇ، دورا قىلىشقا ياكى تەم كىرگۈزۈش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. يوپۇرماق، شاخ ۋە قوۋزاقلىرىدىن دارچىن مېيى ئېلىشقا بولىدۇ.

دار-دار

  • دار-دار[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق نەرسە-كېرەكلەرنىڭ يەرگە سۆرۈلۈشى ۋە شامالنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. تالاش-تارتىش، سۆرىشىش:[مىسال:] بۇ ناھايىتى جىق دار-دار بىلەن ھەل بولغان ئىش.

داردايتماق

  • داردايتماق[يەشمىسى:] «داردايماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەنە، ئاۋۇ ئېتىزلاردا بولسا بۇغدايلار بۇرۇتلىرىنى داردايتقان ھالدا، باشلىرىنى كۆتۈرۈشەلمەي ئېگىلىپ تۇرۇشىدۇ.

داردايماق

  • داردايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چوقچايماق، دىڭگايماق:[مىسال:] ئوت كېتىش بىلەن كۆيۈپ قارايغان ئۆينىڭ تۇرخۇنلىرى داردىيىپ چىقىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② قۇرۇپ، قېتىپ قالماق:[مىسال:] يەل-يېمىش شىرنىلىرىدىن گويا يامغۇردا قالغان تېرىدەك داردىيىپ قالغان خام كۆڭلەكلىك بىر توپ بالىلار سىنىپىمىزغا پادا قويدەك دۈركىرىشىپ كىرەتتى.

دارقا

  • دارقا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرۇپ، شاخ-شۇمبىلىرى چۈشۈپ غۇلىلا قالغان دەرەخ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇق، ئەتسىز:[مىسال:] دارقا مال. ∥ ئاۋۇ ئاق باش دارقاڭنى قانچىگە ساتىسەن دەپ سورىدى بېدىك مالچىدىن.

دارقىراتما

  • دارقىراتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەگلەكنىڭ كەينى يىپلىرىغا يەملەنگەن قاتتىق قەغەزدىن ياسالغان، ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە دارقىراپ ئاۋاز چىقىرىدىغان قىسمى.

دارقىراتماق

  • دارقىراتماق [يەشمىسى:] ① «دارقىرىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياسىنجان ئەتىگەندىلا لەگلەكلىرىنى دارقىرىتىپ يەنە دادامغا ئارام بەرمىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تارتىپ، سۆرەپ، دۆشكەلەپ ماڭدۇرماق:[مىسال:] ئۇ يايمىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ، ئىت يېتىلىگەندەك دارقىرىتىپ سۆرىۋالغانىكەن.

دارقىرىماق

  • دارقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دار-دار» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] پلانېر دارقىراپ ئۈستۈمدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.

دارقىلىق

  • دارقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دارقا كۆپ جاي.[يەشمىسى:] ② ئورۇقلۇق، ئەتسىزلىك.

دارۋاز

  • دارۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دار ئويۇنى ئوينىغۇچى، دار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسەتكۈچى:[مىسال:] كىشىلەر توپى ئىچىدىن پۇتىغا پوپۇچ كىيگەن ئوتتۇرا ياشتىكى دارۋاز ئۇستا چاپسان مېڭىپ دار ئاستىغا كەلدى.

دارۋازلىق

  • دارۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش ئىشى، دار ئويۇنى ئويناش كەسپى:[مىسال:] مەن بالىلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ دارۋازلىق قىلىپ يۈرگىنىمگە 30 يىلدىن ئاشتى.

دارۋىنىزم

  • دارۋىنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەنگلىيە بىئولوگىيە ئالىمى دارۋىن (Charles Roberht Darwin ) كەشىپ قىلغان، جانلىقلار دۇنياسى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى پەن.

دارىتما

  • دارىتما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرىدىن-توغرا ئېيتىلماي باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېيتىلغان؛ تەگكۈزۈپ دېيىلگەن:[مىسال:] دارىتما گەپ.

دارىتماق

  • دارىتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «دارىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گۆشكە مۈشۈكنى دارىتىپ قويما[يەشمىسى:] ② دارىتما گەپ قىلماق، ياپتا گەپ قىلماق، پۇرىتىپ گەپ قىلماق:[مىسال:] ئۇ مۇشۇ ئەسىرى بىلەن «كونا ھېكايىلەرنى ئېيتىش باھانىسىدا ھازىرقى زامانغا دارىتىپ ھۇجۇم قىلدى»دېگەن بەتنامغا قالدى.

دارىتمىلاشماق

  • دارىتمىلاشماق[يەشمىسى:] «دارىتمىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دارىتمىلىماق

  • دارىتمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دارىتىپ گەپ قىلماق، دارىتما قىلماق:[مىسال:] كىم قانچە كۆپ ھوسۇل ئالسا، شۇنى ماختىدى، ئىمىللا ئاكىغا ئوخشاشلارنى دارىتمىلاپ تەنقىد قىلدى.

دارىلئاجىزىن

  • دارىلئاجىزىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاقساق-چولاق، مېيىپ-مەجرۇھلارنى يىغىپ كۈتۈش ئورنى:[مىسال:] مەدەنىيەتنىڭ قالدۇقلىرى بولغان ساقايماس كېسەللەر دارىلئاجىزىندە ساقلىنىپ قالغىنىغا ئوخشاش، بۇ يەردە قويغىلى ئورۇن چىقمىغان، كۆيدۈرۈۋەتكىلى بولمايدىغان ئۆي جاھازلىرى تولا ئىدى.[يەشمىسى:] ② ياشانغانلار ساناتورىيىسى، ئىگە-چاقسىز قېرىلارنى كۈتۈش ئورنى:[مىسال:] ئەمما سىز ياشىنىپ قالدىڭىز، بارىدىغان يېرىڭىز توخۇ فېرمىسى ئەمەس، بەلكى دارىلئاجىزىن، دېدى شۇجى ئۇنىڭغا چاي تۇتۇپ بېرىۋېتىپ.

دارىلداتماق

  • دارىلداتماق[يەشمىسى:] «دارىلدىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دارىلدىماق

  • دارىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دار-دار» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دار-دار» قىلماق.

دارىلفۇنۇن

  • دارىلفۇنۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئىنستىتۇت.

دارىلمۇئەللىمىن

  • دارىلمۇئەللىمىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەيدىغان مەكتەپ. «پېداگوگىكا مەكتىپى»، «پېداگوگىكا تېخنىكومى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

دارىلئۇلۇم

  • دارىلئۇلۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئۇنىۋېرسىتېت.

دارىلئېتام

  • دارىلئېتام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] يېتىم بالىلارنى يىغىپ تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان ئورۇن، بالىلار بۇ يەردە تولۇقسىز مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ ۋە ياكى مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

دارىماقⅠ

  • دارىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەسسىمەك، ئاياغ باسماق:[مىسال:] خېلى زامانلار ئۇ بۇ تەرەپلەرگە دارىپ باقمىدى.[يەشمىسى:] ② يولۇقماق:[مىسال:] بۈۋىم ھەركۈنى ئەسكى لاتىلارنى ئېرىغدايتتى ۋە «ئەزرائىل دارىغىدى بۇ قاخباشقا»دەپ ئىچىدە غۇدۇڭشىيتتى.[يەشمىسى:] ③ كەلمەك، كىرمەك:[مىسال:] نېمە بولدۇڭ، بىزنىڭ ئۆيلەرگە دارىپمۇ قويمايسەنغۇ[يەشمىسى:] ④ بارماق:[مىسال:] مەن ئۇ سورۇنغا دارىمىدىم.[يەشمىسى:] ⑤ تەگمەك، تەسىر قىلماق:[مىسال:] شامال بالىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن دارىغان، دەيتتى داخان، مال سىلىنىڭ ئۆينىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى يەتتىنچى ئۆيدىن ئېلىپ كېلىنسە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ يۇقماق، سىڭمەك:[مىسال:] نانغا كىرسىن دارىپ قاپتۇ.

دارىن

  • دارىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مەرتىۋىلىك ئەمەلدار:[مىسال:] ھۆرمەتلىك دارىن جانابلىرى، ئەگەر مالال كەلمىسە، ئۆزلىرىدىن بىرەر نەرسىنى سورىۋالغۇم كېلىدۇ.

داسⅠ

  • داسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قەلەيدىن ياسىلىدىغان، كىر يۇيۇش ۋە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئائىلە سايمىنى:[مىسال:] بالىغا بىر قۇر كىيىم سېتىۋالدىم، ئىسسىق سۇ، داس، سوپۇن، لۆڭگە تەييارلاڭ، يۇيۇنۇپ، تازىلىنىپ بۇ كىيىملەرنى كىيىۋالسۇن، دېدىم سىڭلىمغا.

داسⅡ

  • داسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تۆمۈردىن ياسىلىدىغان، ئاشلانغان تېرىنىڭ تۈكىنى قىرىش، ۋاسا ئاقلاش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇتقۇچى بار تىغلىق سايمان.

داستان

  • داستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① شېئىر بىلەن يېزىلغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر؛ پوئېما:[مىسال:] داستان يازماق.[يەشمىسى:] ② خەلق قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ئېپىك ئەسەر:[مىسال:] ئويغۇر خەلق داستانلىرى.

داستانچى

  • داستانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داستان سۆزلىگۈچى، داستان ئېيتقۇچى.

داستانچىلىق

  • داستانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① داستان ئېيتىش، داستان سۆزلەش ئىشى:[مىسال:] تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق قوشاقچىلىق، داستانچىلىق ئەنئەنىسى ھېلىمۇ كەڭ داۋام قىلماقتا.[يەشمىسى:] ② داستان يېزىش پائالىيىتى:[مىسال:] «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئايرىم تۆتلىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرق داستانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان.

داستانلىق

  • داستانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە داستان بولغان، داستان خاراكتېرىدىكى:[مىسال:] داستانلىق نەغمىلەر.

داستى

  • داستى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇنىڭ ئايىغى چىقمايدىغان سېسىق كۆل.

داستىخان

  • داستىخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① رەختتىن تەييارلانغان، ئوتتۇرىغا يېيىلىپ، ئۈستىگە نازۇنېمەت تىزىلىدىغان ياكى غىزالانغاندا ئوتتۇرىغا سېلىنىدىغان ئۆي بۇيۇمى:[مىسال:] گۈللۈق داستىخان. * تاۋار داستىخان، قۇرۇق ئۇستىخان (ماقال).[يەشمىسى:] ② داستىخانغا تېزىلغان نازۇنېمەت ياكى ئومۇمەن غىزا-تاماق:[مىسال:] قىزىل بۇرۇن شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كۆپ بارمايدىغان، بارغاندىمۇ داستىخىنىغا يولىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.

داستىخان كۆرگەن

  • داستىخان كۆرگەن[يەشمىسى:] كىشلەر بىلەن باردى-كەلدىسى بار، قائىدە-يوسۇننى بىلىدىغان:[مىسال:] «ئوبدان»دېگىنىمىز كېلىن بولغۇچىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ بەلەنلىكى، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ داستىخان كۆرگەن ئادەملەر ئىكەنلىكى.

داستىخىنى چوڭ

  • داستىخىنى چوڭ[يەشمىسى:] «داستىخىنى كەڭ»گە قاراڭ:[مىسال:] ئەگەر ئاچ كىرسە توق چىقتى يالىڭاچ تونلۇق ھويلاڭدىن، جاھاندا بارمۇ سەندەك كەڭ قورساق، چوڭ داستىخان، يۇرتۇم.

داستىخىنى كەڭ

  • داستىخىنى كەڭ[يەشمىسى:] مېھماندوست، نازۇنېمەتلىرى مول:[مىسال:] ھازىر داستىخىنىمىز كەڭ، سېۋەتلىرىمىز چوڭ، مەمۇرچىلىق. * ئەلنىڭ داستىخىنى كەڭ-دە، بولمىسا ئاللىقاچان ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالاتتىڭ.

داستىخىنى يوق

  • داستىخىنى يوق[يەشمىسى:] ئۆيگە مېھمان چاقىرىشنى خالىمايدىغان، ئۆيگە كەلگەن مېھماننىمۇ ياخشى كۈتمەيدىغان، پىخسىق، بېخىل:[مىسال:] ئۇ كىيىمنى پۇزۇر كىيىپ غادىيىپ يۈرگىنى بىلەن داستىخىنى يوق بىر ئادەم.

داسسۆڭەك

  • داسسۆڭەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]داس+سۆڭەك[[يەشمىسى:] ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ دوۋسۇنى ئەتراپىدا بولىدىغان ھالقىسىمان سۆڭەك. ئادەمنىڭ داسسۆڭىكى تەگسىز تەلەڭگىگە ئوخشايدۇ، ئۇ توققۇزكۆز سۆڭىكى، تۇغۇر سۆڭىكى ۋە ئوڭ-سول يانپاش سۆڭەكلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

داسلانماق

  • داسلانماق[يەشمىسى:] ① «داسلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ تېرە تولىمۇ پاكىز داسلىنىپتۇ.[يەشمىسى:] ② تېرە ۋە تېرە بويۇملارنىڭ سۈركىلىش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈكى چۈشۈپ كەتمەك:[مىسال:] بۇ جۇۋىنىڭ پېشى داسلىنىپ كېتىپتۇ.

داسلىماق

  • داسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] داس بىلەن قىرماق:[مىسال:] ئاشلانغان تىرىنى داسلىماق.

داشⅠ

  • داشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چوڭ قازان:[مىسال:] جادۇگەرنىڭ خادىملىرى بىر چوڭ داشتا ياغنى قىزىتىپ داغلىدى.

داشⅡ

  • داشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ-ئېدىرلاردا سۇ يىغىلىپ قېلىپ، ئۇزۇنغىچە سۈيى قۇرۇمايدىغان چوڭقۇر ئازگال.

داشقال

  • داشقال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① رودىدىن مېتال ئېرىتىپ ئېلىنغاندىن كېيىن قالغان قاتتىق ماددا.[يەشمىسى:] ② ئوچاق ۋە پار قازانلىرىدا كۆيدۈرۈلگەن كۆمۈرنىڭ قالدۇقى، قالغان قىسمى:[مىسال:] كۆمۈر داشقىلى.[يەشمىسى:] ③ تونۇر ياكى ئوچاقتىن چىقىرىۋېتىلگەن قىزغۇچ قاتتىق شور ياكى سېغىز:[مىسال:] تونۇرنىڭ داشقىلى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتكە ياكى تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىغا مەنسۇپ بولغان، ئەينى زاماننىڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا ماس كەلمەيدىغان ۋە ياكى پارتىيە-گۇرۇھنىڭ قالدۇقى بولغان كىشى:[مىسال:] ئاپامدىن سورىسام دادامنى داشقال دەپ سولاپ قويۇپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قېتىپ قالغان قاراش، بۇرۇندىن قالغان خاتا قاراش:[مىسال:] پىكىر قىلغىن يېڭىچە، داشقال قاراشنى تاشلىۋەت، پىكىر قىلماق كونىچە، كونا ئەسىرگە مىراس ئۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كېرەكسىز، ئەتىۋارى يوق، قىممىتى يوق نەرسە:[مىسال:] ئۇ مىللەت پۈتۈنلەيلا داشقال بولۇپ، بۇ مىللەت كەم-كۈتىسىز ئالتۇن ئەمەس؛ ئۇ مىللەت پەگاھتىكى پالاس بولۇپ، بۇ مىللەت تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس.

داشقاللاشماق

  • داشقاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] داشقال ھالىتىگە كەلمەك، داشقالغا ئايلانماق:[مىسال:] بۇ قېتىم ئەكەلگەن كۆمۈر بەك ناچار ئىكەن، داشقاللىشىۋېلىپ ئوبدان كۆيمەيدىكەن.

داشقاللىق

  • داشقاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داشقال تۆكۈلگەن، داشقال بار يەر:[مىسال:] بۇ يەرلەر زاۋۇتتىن چىققان داشقالنى تۆكۈۋېرىپ داشقاللىققا ئايلىنىپ كەتتى.

داشقايناق

  • داشقايناق[قۇرۇلمىسى:]]داش+قايناق[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارچە نان، گۆش-كۆكتات ۋە ھەرخىل نەرسىلەرنى داشقا سېلىپ قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان تاماق تۈرى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىگىش، ئارىلاش، مالىماتاڭ:[مىسال:] مەسىلىنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىدىغان نېمە، سەن بولساڭ ھەممىنى بىراقلا ئوتتۇرىغا قويۇپ داشقايناق قىلىۋەتتىڭ.

داشۆ

  • داشۆ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «ئۇنىۋېرسىتېت»قا قاراڭ.

داشياۋ

  • داشياۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، بەزى دۆلەتلەردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېرلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى.

داغⅠ

  • داغⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ يۈزىدە باشقا رەڭدە ئايرىلىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە جاي:[مىسال:] قۇياش دېغى.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ باشقا ماددىلار تېگىپ بۇلغانغان جايى:[مىسال:] ياش دېغى. قولىمىز ئاھۇزار ئىچىدىكى خەلقنىڭ قېنىغا مىلەنگەن، بىزنىڭ يەۋاتقان، كىيىۋاتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇ قاننىڭ داغلىرى بار.[يەشمىسى:] ③ يارا ئىزى، جاراھەت ئىزى:[مىسال:] ئايشەمنىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ساقايدى. پەقەت پېشانىسىنىڭ سول تەرىپىدە بىلىنەر-بىلىنمەس داغ پەيدا بولدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەيىب، نۇقسان، گۇناھ:[مىسال:] ئۆزىدە قىلچە داغ يوق دەپ قارايدىغانلار، ئەمەلىيەتتە، ئەڭ پاسكىنا ئادەملەر بولۇشى مۇمكىن.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆتمۈشكە مەنسۇپ ئىللەتلەرنىڭ رېئاللىقتىكى قالدۇقى:[مىسال:] كونا جەمئىيەتنىڭ داغلىرى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىنى نومۇس-بەتنامغا قويىدىغان، نامىنى بۇلغايدىغان ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆز:[مىسال:] نومۇس دېغى. * ياخشىدىن باغ قالىدۇ، ياماندىن داغ قالىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېغىر مۇسىبەت، قايغۇ-كۈلپەت، جۇدالىق-ھىجران، ئىشق-مۇھەببەتتىن كۆڭۈلدە قالغان دەرد-ئەلەم؛ ھەسرەت:[مىسال:] سىزنىڭ چەكسىز بەختكە تەلپۈنگەن قەلبىڭىزدە ئارمان ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۆچمەس دېغىلا قالىدۇ.

داغⅡ

  • داغⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قاينىتىلغان، قاتتىق قىزدۇرۇلغان:[مىسال:] ياخشىغا ياغ، يامانغا داغ (ماقال). * قازاندىكى ماينى داغ قىلىپ قويدۇم.

داغال

  • داغال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىرىك، قوپال:[مىسال:] داغال قول.

داغدام

  • داغدام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەڭ، پارلاق، توسالغۇسىز، راۋان:[مىسال:] داغدام يول. * شۇ كۈنى مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازىسى داغدام ئوچۇق ئىدى.

داغدۇغا

  • داغدۇغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەيۋەتلىك، دەبدەبىلىك كۆرۈنۈش، كەيپىيات، ۋەزىيەت:[مىسال:] داغدۇغا، چۇقان-سۈرەن يەر-جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى.

داغدۇغىسىز

  • داغدۇغىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داغدۇغىسى يوق، داغدۇغا قىلىنمىغان:[مىسال:] داغدۇغىسىز ھەرىكەت.

داغدۇغىلىق

  • داغدۇغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داغدۇغىسى بار؛ ھەيۋەتلىك، دەبدەبىلىك، قاينام-تاشقىنلىق:[مىسال:] داغدۇغىلىق يىغىن. داغدۇغىلىق تەشۋىقات. داغدۇغىلىق ھەرىكەت.

داغدىرىماق

  • داغدىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ھولۇقماق، ئالاقزادە بولماق، تەسلىكتە قالماق، ئىككىلەنمەك.[يەشمىسى:] ② چارچىماق.[يەشمىسى:] ③ قېتىپ قالماق.

داغسىز

  • داغسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دېغى يوق، داغ چۈشمىگەن.[يەشمىسى:] ② كىرسىز، غۇبارسىز، پاك، سۈزۈك:[مىسال:] داغسىز دىلنىڭ چىن رىشتىلىرى بىر-بىرىگە باغلانمىسا راست دوستلۇق بولمايدۇ.

داغلاتماق

  • داغلاتماق[يەشمىسى:] «داغلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ مەرەز يارىنى كۈندە بىر داغلىتىپ تۇرمىسام بولمىغۇدەك.

داغلاشماق

  • داغلاشماق[يەشمىسى:] «داغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭغىچىلىك يايىلار مېنى بەرجەس باغلاشتى، تۆمۈر زىخنى قىزىتىپ تاپىنىمنى داغلاشتى.

داغلانماق

  • داغلانماق[يەشمىسى:] «داغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نۇزۇك بىلەك باغلاندى، ئۆلتۈرمەككە چاغلاندى، مېنى باققان ئانامنىڭ يۈرەك-باغرى داغلاندى.

داغلىق

  • داغلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دېغى بار، داغ چۈشكەن، داغ تەگكەن:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزىدىكى قارا داغلىق سەپكۈنلەر ئۇنىڭ تارتقان جەبىرلىرىنىڭ گۇۋاھى ئىدى.[يەشمىسى:] ② يۈرىكى دەرد-ئەلەملىك، ھەسرەتلىك دەردلىك:[مىسال:] ساڭا زوقۇمنى ئارتتۇرغان قولغا ياققان خېنەڭدۇر، دىلى داغلىق شوخ ئەركىننى خالغا ئوخشىتاي يارىم.[يەشمىسى:] ③ كىشىنىڭ نامىنى بۇلغايدىغان نۇمۇسلۇق:[مىسال:] بىر تەرەپتىن ۋىجدانسىزلار تاجاۋۇز قىلىپ، نومۇسۇڭغا يىرگىنىچلىك داغلىق ئىز سېلىپ.

داغلىماق

  • داغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىزىق نەرسىنى تەگكۈزۈپ، بېسىپ كۆيدۈرمەك:[مىسال:] تىلىڭ قاتتىق بولسا باغلىۋەت، يۇمشاق بولسا داغلىۋەت (ماقال).[يەشمىسى:] ② تازا قىزىتىپ ئاچچىق بۇ سىنى چىقىرىۋەتمەك، چۈچۈتمەك:[مىسال:] ئاشپەز شاگىرتلىرىنىڭ بىرىنى سەۋزىنى قەلەمچە قىلىشقا، يەنە بىرىنى ماينى داغلاشقا بۇيرۇدى.[يەشمىسى:] ③ دەرد-ئەلەمدە، ھەسرەت-نادامەتتە قويماق، ئارماندا قويماق:[مىسال:] ئۇ ساڭا مەندىن سالاملار يوللىدى، ئوغلىنى ھىجراندا قويدى، داغلىدى.

داغمال

  • داغمال[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەلەينى ئېرىتىپ كەپشەرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، مىستىن ياسالغان كىچىك پالتا شەكىللىك ئەسۋاب، تۇتىدىغان سېپى، ئۇچىدا بىسى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېلىن، گەپ يېمەس:[مىسال:] بەگ يۇرت ئەھلىگە قاراپ: بەزى قېلىن داغماللار ئىشنى ياخشى قىلمايدۇ، بەزى قېلىن داغماللار ھاشارغا ۋە مەجلىسلەرگە ۋاقتىدا كەلمەيدۇ، دەپتۇ.

داغماللاتماق

  • داغماللاتماق[يەشمىسى:] «داغماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

داغماللاشماق

  • داغماللاشماق[يەشمىسى:] «داغماللىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

داغماللانماق

  • داغماللانماق[يەشمىسى:] «داغماللىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

داغماللىماق

  • داغماللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① داغمال بىلەن كەپشەرلىمەك:[مىسال:] بىز سېنى ئايروپىلان ياساپ بەر دەۋاتمايمىز، زاپچاسنى داغماللاپ بەرگىن دەۋاتىمىز.[يەشمىسى:] ② قىيناش ئۈچۈن قىزىتىلغان مېتالنى بەدەنگە ياقماق:[مىسال:] ئۆيدىن سەل نېرىراقتا ئوت بىلەن داغماللاپ قىيناپ جازالاش ئورنى كۆرۈنىدۇ.

داغۇر

  • داغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. «ئىرق»[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە كىشى. ئۇلار ئاساسەن خېيلۇڭجياڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە شىنجاڭغا ئولتۇراقلاشقان.

داغۇرچە

  • داغۇرچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داغۇرلارغا خاس، داغۇرلارغا ئائىت:[مىسال:] داغۇرچە كىيىم، داغۇرچە ئۆرپ-ئادەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داغۇر تىلى:[مىسال:] ئۇ داغۇرچىنى ئوبدان سۆزلەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[مىسال:] داغۇر تىلىنى ئىشلىتىپ، داغۇرتىلى بىلەن؛ داغۇرچە سۆزلىمەك.

داغۇل

  • داغۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇۋ، مۇغەمبەر، مەككار، ھەييار، ئالدامچى:[مىسال:] داغۇل ئادەم.

داغۇللۇق

  • داغۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇۋلۇق، ھىيلىگەرلىك، مەككارلىق:[مىسال:] داغۇللۇق قىلماق.

داغۋاز

  • داغۋاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالدامچى، ھىيلىگەر:[مىسال:] ئۇنىڭ داغۋاز، مەنمەنچىلىكى ئىشرەت كوچىسىدا تېخىمۇ نامايان ئىدى.

داغۋازلىق

  • داغۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىيلىگەرلىك، ئالدامچىلىق:[مىسال:] داغۋازلىق قىلماق.

داغى

  • داغى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دارقا، قاقشال.

داقⅠ

  • داقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتتىق، قۇرۇق، يالاڭ:[مىسال:] داق سۇپا. * خۇددى داق سۆڭەككە ئوخشايدىغان ئاي ئورغىقى قاقاس ئېتىزلارغا نۇر سېپىپ تۇراتتى.

داقⅡ

  • داقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر قاتتىق نەرسىنىڭ باشقا بىرەر قاتتىق نەرسىگە ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئىشىك داق قىلىپ يېپىلدى.

داقا-داقاڭ

  • داقا-داقاڭ[يەشمىسى:] «داقاڭ»قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى قاتتىق چايقالغان ئاۋازلار.

داقا-دۇققا

  • داقا-دۇققا[يەشمىسى:] «داق-دۇق»قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئېگىز-پەس ئاۋازلار.

داقا-دۇمباق

  • داقا-دۇمباق[يەشمىسى:] داپ-دۇمباق:[مىسال:] ئالقىشلار، ئامىنلار، ناخشا-ناۋا، داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى ۋە يىغا-زارىلەر قوشۇلۇپ، بۈگۈنكى ئۈرۈمچى مۇھىتىنى بىر ئاجايىپ جاسارەت سىمفونىيىسىنىڭ كەڭ سەھنىسىگە ئايلاندۇرغانىدى.

داقاق

  • داقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوق، تاپا:[مىسال:] ئېسىمگە كەلدى شۇئان بىر چاغلىرىم، كەتكىنىم تاغقا «ئوغرى» ئاتاق ئېلىپ، كىمدۇر بۈگۈن بىرى يەنە شۇ ئاتاقنى، قويماقچى پېشانەمگە داقاق قېلىپ.

داقاڭ

  • داقاڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق نەرسىلەرنىڭ «داق»قىلىپ ئۇرۇلۇشى ۋە چايقىلىشىدىن چىققان ئاۋاز.

داقاڭشىتماق

  • داقاڭشىتماق[يەشمىسى:] «داقاڭشىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

داقاڭشىماق

  • داقاڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «داقاڭ-داقاڭ» قىلماق، «داقاڭ-داقاڭ» ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] كۆتەك ھارۋا تېتىر يولىدا داقاڭشىپ كېلىۋاتاتتى.

داقاڭڭىدە

  • داقاڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «داقاڭ»قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «داقاڭ»قىلىپ.

داقال

  • داقال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆۋەنكى كالپۇك بىلەن ياڭاق ئوتتۇرىسىدىكى ئويمانچۇق يەردە ئۆسكەن بىرقانچە تال تۈك.

داقاللىق

  • داقاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داقىلى بار، داقال قويغان.

داق-دۇق

  • داق-دۇق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] «داق»قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] يېقىنلا بۇ يەردە داق-دۇق قىلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم.

داققالچى

  • داققالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاپانچى، تەخسىچى، يالاقچى:[مىسال:] ئۆتمۈشتىكى كۆكۋېشى، داققالچىلار يوقالدى، بىزمۇ قانغۇدەك سۇ ئىچىدىغان بولدۇق.

داكا

  • داكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا يىپتا شالاڭ توقۇلغان رەخت:[مىسال:] ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ، بىر توپ داكىنى يىرتىپ بىرمۇنچە ئادەمنىڭ بېلىگە باغلاپ ئىسراپچىلىق قىلىشنىڭ زادىلا ھاجىتى يوق.

داگۇر

  • داگۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. دېئال.[يەشمىسى:] ئىلمەك.

داڭⅠ

  • داڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ۋەھىمە ياكى ھەيرانلىقتىن خۇدىنى يوقىتىپ تۇرۇپ قالغان ھالەت:[مىسال:] داڭ قاتماق. داڭ قالماق.

داڭⅡ

  • داڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېتالدىن ياسالغان، ئۇرسا قاتتىق ئاۋاز چىقىرىدىغان، سىگنال-خەۋەر بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جىسىم ياكى مېتال پارچىسى.

داڭⅢ

  • داڭⅢ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] داڭنى قاتتىق ئۇرغاندا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] تام سائىتى داڭ ئۇرماقتا.

داڭⅣ

  • داڭⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داڭق:[مىسال:] داڭ چىقارماق. * يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس (ماقال).

داڭدار

  • داڭدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داڭلىق:[مىسال:] داڭدار ناخشىچى. داڭدار كارىزچى. داڭدار قوشاقچى.

داڭق

  • داڭق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نام، ئاتاق، شۆھرەت، ئىناۋەت؛ مەشھۇرلۇق:[مىسال:] تەلكىدىن چىقىپ كەلسەم، ئىلى باغلىرى بوستان، بۇلبۇللارغا قۇلاق سالسام، داڭقىنى قىلۇر داستان.

داڭقى چىقماق

  • داڭقى چىقماق[يەشمىسى:] نامى، شۆھرىتى ھەممىگە مەلۇم بولماق:[مىسال:] ئۇنىڭ بىرقانچە يىللاردىن بۇيان چېلىشلاردا داڭقى چىققان.

داڭقان

  • داڭقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چويۇن ياكى باشقا مېتالدىن قۇيۇلغان ئۈچ پۇتلۇق، ئىككى قۇلاقلىق قازان.

داڭقان پۇتى

  • داڭقان پۇتى[يەشمىسى:] قاملاشمىغان، ئېگىز-پەس:[مىسال:] بايقاپ سۆزلىمەي، تۈگىشىپ كەتتىڭە گاداي، بۇ يەر سېنىڭ خامانلىقىڭ بولمىسا داڭقان پۇتى گەپ قىلىۋېرىپ، تويە ئەمدى.

داڭگال

  • داڭگال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قاتقان، قۇرۇغان لاي پارچىسى، توپا ئۇيۇمى:[مىسال:] توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېزىلىق، سەھرالىق:[مىسال:] سەن داڭگاللارنىڭ ئۆپكىسىنى ئىچىڭدىن قاقمىسام قاراپتۇر.[يەشمىسى:] ③ ئەرزىمەس، پەس، قىممىتى يوق نەرسە:[مىسال:] مۇھەببەتنىڭ مۇھىم شەرتى ئەمەسمۇ تەڭ-باراۋەرلىك، مېنى نېچۈن ساناپ داڭگال، ئۆزۈڭنى بىباھا قىلدىڭ.

داڭگۇي

  • داڭگۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئالاھىدە خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ، يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. تېبابەتتە ھەرخىلكېسەلەرلىكلەرگە شىپا بولىدۇ.

داڭگىر-دۇڭگۇر

  • داڭگىر-دۇڭگۇر[يەشمىسى:] «داڭگىر»قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

داڭلاتماق

  • داڭلاتماق[يەشمىسى:] «داڭلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئېشىكىڭنى بۇ يەردە تۇتۇپ ئولتۇرغىچە، بېدىككە داڭلاتساڭ، قىممىتى ئاشمامدۇ.

داڭلاشماق

  • داڭلاشماق[يەشمىسى:] «داڭلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ تەبىرنى ئاڭلىشىپ، خاقاننى راست داڭلىشىپ، ئەلچىلەر شاد كۈلۈپتۇ، «قۇللۇق»ئېيتىپ يۈرۈپتۇ.

داڭلانماق

  • داڭلانماق[يەشمىسى:] «داڭلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] داڭقىمىز رۇمغا ئاڭلانغانىدى، يىپەك-شايىمىز داڭلانغانىدى.

داڭلىق

  • داڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داڭقى بار، داڭقى چىققان؛ مەشھۇر، شۆھرەتلىك:[مىسال:] داڭلىق سودىگەر. داڭلىق ئەسەر. * سەن تۆرەلگەن بۇ تۇپراق داڭلىق ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى بولۇپ قالدى.

داڭلىماق

  • داڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ياخشى تەرىپىنى تىلغا ئالماق، ماختىماق:[مىسال:] ئاتا-ئانام زوقلىنىپ، مۇزىكامنى ئاڭلايدۇ، ياخشى چالدىڭ دېيىشىپ، دوستلىرىممۇ داڭلايدۇ.[يەشمىسى:] ② كۆككە كۆتۈرمەك، ماختاپ ئۇچۇرماق:[مىسال:] ئۇلار ئۆز ماللىرىنى داڭلاپ ۋارقىراپ خېرىدار چاقىرىپ سودا قىلىشماقتا.

داڭىلداتماق

  • داڭىلداتماق[يەشمىسى:] «داڭىلدىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تېخى تاڭ يورۇماي تۇرۇپلا، دۈيجاڭ يەنە داڭنى داڭىلداتقىلى تۇردى.

داڭىلدىماق

  • داڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «داڭ-داڭ»قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «داڭ-داڭ»قىلماق:[مىسال:] داڭ داڭىلدىدى، ئاۋۇت ئاندا-مۇندا كىيىنىپ سىرتقا يۈگۈردى.

دال

  • دال[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاناھ ياكى مەدەت بولىدىغان نەرسە، ياردەم:[مىسال:] دال بولماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تاقابىل، تەڭ:[مىسال:] دال تۇرماق.

دالا

  • دالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ياشايدىغان جاينىڭ سىرتىدىكى كەڭ كەتكەن يەر:[مىسال:] بۇ دالانىڭ نېرىراق تۆۋەن تەرىپىدە بىرنەچچە يىگىت كەتمەن ئوينىتىپ يەر سۇغارماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② سەھرا، يېزا-قىشلاق:[مىسال:] دالانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول (ماقال).

دالا-تۈز

  • دالا-تۈز[يەشمىسى:] دالا ۋە تۈزلەڭلىك:[مىسال:] باھار كەلدى، دالا-تۈزگە باھارنىڭ نۇرلىرى كەلدى، گۈزەل ھېس قوزغىتىپ دىلدا يېڭى كۈي قۇرلىرى كەلدى.

دالاسى

  • دالاسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گامبىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

دالالەت

  • دالالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا ئۈندەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن مەسلىھەت؛ كۆرسەتمە، تەشەببۇس:[مىسال:] ئۇ ئۇزاق ۋە مۇرەككەپ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ دالالىتى بىلەن بۇ ئىشتىن ئارتۇقچە بىئارام بولۇپ كەتمىدى. * بۇلبۇلى چىللايدۇ باغقا، ئاھۇلار تاغلار تامان، پەن-بىلىم سىگنالىدەك شېرىن دالالەت قايدىدۇر.[يەشمىسى:] ② ئىشارە، بەلگە:[مىسال:] يامغۇرنىڭ ۋاقتىدا يېغىپ بېرىشى مول ھوسۇلدىن دالالەتتۇر.

دالالەتچى

  • دالالەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دالالەت قىلغۇچى، ئۈندىگۈچى:[مىسال:] دالالەتچىلەردىن ئىشلەمچىلەر كۆپ بولغىنى ياخشى.

دالان

  • دالان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دەرۋازىدىن كىرىپ بىر-بىرىگە ئۆتۈشىدىغان بىرنەچچە ئېغىز ئۆيگە كىرىشتىكى ئارىلىق ئۆي:[مىسال:] قېرى دوختۇر ئىچكىرىدىن دالانغا چىقتى.[يەشمىسى:] ② ئۆگزىگە سېلىنغان ئۆي ئالدى:[مىسال:] ئۇلار دالاندىن چۈشۈپ پەلەمپەيدە كېتىۋاتقاندا، مەخسۇمنىڭ پەس ئاۋازدا دېگەن سۆزلىرى ئاڭلاندى.

دالانچە

  • دالانچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك دالان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئىچكى قۇلاقنىڭ بىر قىسمى. يېرىم ئايلانما نەيچە بىلەن قۇلاق قۇلۇلىسى ئارىلىقىدا بولىدۇ. سىرتقى ۋە تۆۋەنكى تەرىپىدە تۆشۈكلىرى، ئىچكى قىسمىدا ئىككى دانە خالتىسىمان ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاڭلاش نېرۋىلىرى بولىدۇ. دالانچە بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

دالانلىق

  • دالانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دالىنى بار، دالان ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] دالانلىق ئۆي.

دالايماق

  • دالايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇنايلانماق، سوزۇلماق:[مىسال:] دالىيىپ ياتماق.[يەشمىسى:] ② تەڭلىمەك:[مىسال:] ئايىقىنى دالايماق. مۇشتنى دالايماق.

دالبېرگىيە

  • دالبېرگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈلى سېرىق ۋە كونۇسسىمان گۈل رېتىدە، يازدا ئېچىلىدۇ. ياغىچى قاتتىق بولۇپ، ئۆي جابدۇقلىرى، يېزا ئىگىلىك سايمانلىرى ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ياساشقا مۇۋاپىق.

دالتەك

  • دالتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گەپ توشۇغۇچى، ئاقساقال؛ گەپكە ئارىلىشىۋالىدىغان ئادەم.

دالجىماق

  • دالجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «داجىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] بۇ ئىت ئىگىسىگە شۇنداق سادىق ئىدىكى، ھەمىشە بوسۇغىدىن دالجىماي، ئۆينى ساقلاپ ياتاتتى.

دالدا

  • دالدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۇشۇرۇنىدىغان جاي:[مىسال:] باتۇرخان دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.[يەشمىسى:] ② توسقۇچى نەرسە، توسۇق:[مىسال:] ئايمىدۇر، ئايلارمىدۇر، بۇلۇت دالدامىدۇر

دالدا بولماق

  • دالدا بولماق[يەشمىسى:] ① توسۇق بولماق، توسماق، ياپماق:[مىسال:] ئەسكىلىك قىلاي دېسە، ئېشەك تېزىكى دالدا بولۇر (ماقال).[يەشمىسى:] ② دال بولماق، ئەسقاتماق، كېرەككە كەلمەك:[مىسال:] داغ سۇ ئاچ قورساققا دالدا بولماپتۇ (ماقال).

دالداقاشماق

  • دالداقاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالماق، ئىككىلەنمەك، گاڭگىرىماق.

دالداقىماق

  • دالداقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دالدىلانماق، دالدا بولماق.

دالدىلانماق

  • دالدىلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پاناھلانماق، يوشۇرۇنماق:[مىسال:] شامالدىن دالدىلانماق.

دالۋايⅠ

  • دالۋايⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوغا سېلىنغان قۇش (بۈركۈت، قارچىغا، لاچىن، تۇرۇمتاي قاتارلىقلار) نى ئۈندەككە چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر:[مىسال:] قۇش دالۋايغا كەلدى.

دالۋايⅡ

  • دالۋايⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەرلىك يىپەك توقۇمچىلىقىدا تولامچاقنىڭ نەقكەشنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان غالتەكلىك ياغاچ سايمىنى.

دالۋايلاتماق

  • دالۋايلاتماق[يەشمىسى:] «دالۋايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دالۋايلاشماق

  • دالۋايلاشماق[يەشمىسى:] «دالۋايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دالۋايلىماق

  • دالۋايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دالۋاينى چۆرۈپ، ئوۋغا سېلىنغان قۇشنى ئۈندەككە چاقىرماق.

دامⅠ

  • دامⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قاپقان، تۇزاق، قىلتاق، سىرتماق:[مىسال:] كۆككە باقسام، كۆكتە قالپاق، يەردە قاپقان-دام ئىدى، شۇ ياۋۇزلار قانچە مىڭ ئوغلانۇ قىزنى خام يېدى [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدام، ئالدام خالتا:[مىسال:] ئادەم ئالدايدىغان نەيرەڭ پەقەت كىچىك بالىنىلا ئۆز دامىغا چۈشۈرەلەيدۇ.

دامⅡ

  • دامⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لاپ، يوغان گەپ، چوڭ سۆز، پو:[مىسال:] يېغىنى يان باسىدۇ، ئوغرىنى دام باسىدۇ (ماقال).

داماس

  • داماس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىرخىل گۈللۈك رەختنىڭ نامى.

دامان

  • دامان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرئاز نېپىزلىتىپ، چەككۈچ سېلىنغان گىردە:[مىسال:] پەشخوننىڭ ئالدىغا سىڭىپ پىشقان دامانلار تىزىلغانىدى.

دامان ساقال

  • دامان ساقال[يەشمىسى:] قىرقىپ دامانغا ئوخشاش يۇمىلاق شەكىلدە بېزەلگەن ساقال:[مىسال:] قويۇق دامان ساقىلىنى توختىماي سىلاۋاتقان سىيىت ھاجى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆلۈمسىرىگىنىچە كۆزىتىپ ئولتۇراتتى.

دامبا

  • دامبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇنى توسۇش ۋە توختىتىش ئۈچۈن سوقۇلغان قېلىن، ئېگىز تىرگەن:[مىسال:] دامبا سوقماق.

دام-تۇزاق

  • دام-تۇزاق[يەشمىسى:] دام ۋە تۇزاق:[مىسال:] ھەممە يەردە دام-تۇزاق، كۆيزا-كىشەن، قانلىق قىلىچ، كەمبەغەللەر ئۈستىدىن باسقان زۇلۇم توپان بولۇپ.

دامجۇق

  • دامجۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاش ۋاقتىلىق (تاماق ھەققىدە).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شەخسكە تەۋە بولمىغان، ھەركىم ئىشلىتىۋېرىدىغان:[مىسال:] مېنىڭ ۋېلىسىپىتىم بۇ ئىدارىدا دامجۇق ۋېلىسىپىت بولۇپ قالدى، كىملا بولسا سورىمايلا مىنىپ كېتىۋېرىدۇ.

دامخور

  • دامخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا داملاپ، لاپ ئۇرغۇچى، ماختانچۇق، يوغان گەپ قىلغۇچى:[مىسال:] ئۇ دامخورنىڭ گېپىگە قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن.

دامخورلۇق

  • دامخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماختانچاقلىق:[مىسال:] تولا دامخورلۇق قىلما، ھازىر نەگە كېلىپ قالدىڭ نەدە تۇرۇۋاتىسەن، بىلەمسەن

دام-دام

  • دام-دام[يەشمىسى:] كۆز-كۆز، داملاش.

دامكا

  • دامكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① 64 پارچە ئاق ۋە قارا كاتەكچىلىك تاختىدا 12 دانە ئاق ئۇرۇق ۋە 12 دانە قارا ئۇرۇق بىلەن مەلۇم قائىدە بويىچە ئاينىلىدىغان ئويۇن:[مىسال:] دامكا ئوينىماق. دامكا ئۇرۇقى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئويۇندا قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رېتىگە چىقالىغان ۋە خالىغان تەرەپكە مېڭىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئۇرۇق:[مىسال:] دامكىنى ماڭماق. دامكىنى يېمەك.

دامكرات

  • دامكرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئېغىر نەرسىلەرنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ئۇلارنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ئەسۋاب. ئادەتتە سۇيۇقلۇق بېسىملىق دامكرات ۋە بۇرمىلىق دامكرات دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

داملاتماق

  • داملاتماق[يەشمىسى:] «داملىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۆز ئاچاي سۆز چىقسا سازدىن، داملىتىپ ئالەم ئارا، نەغمىلەرنىڭ شاھى قالۇن جانلىرىڭدىن مەن دولان.

داملاشماق

  • داملاشماق[يەشمىسى:] «داملىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھارۋىكەشلەر ئېتىنى داملىشار، قويچىلار ئىتىنى داملىشار (ماقال).

داملانماق

  • داملانماق[يەشمىسى:] «داملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇيغۇرلار قەدىمكى شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا داملىنىشقا ھەقلىق.

داموللا

  • داموللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① چوڭ مەدرىسە ۋە ئالىي دەرىجىلىك دىنىي مەكتەپلەرنىڭ مۇدەررىسى، ئوقۇتقۇچىسى.[يەشمىسى:] ② دىنىي ئىلمىي مول ۋە چوڭقۇر كىشى.

دان

  • دان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بۇغداي، قوناق قاتارلىق باشاقلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق، ماش قاتارلىق چوكا مېۋىلىك زىرائەتلەر ھوسۇلىنىڭ دانىسى:[مىسال:] بۇغداي دېنى. ئارپا دېنى. دان ئالماق.[يەشمىسى:] ② ئاشلىق:[مىسال:] ئامبارلار دانغا لىق تولدى.[يەشمىسى:] ③ ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق:[مىسال:] توخۇ دېنى. كەكلىك دېنى.

دانا

  • دانا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① يىراقنى كۆرەر، ئەتراپلىق ئويلايدىغان، دانىشمەن، ئاقىل:[مىسال:] دانا ئەرباب. دانا ئۇستاز. * دانا كىشى ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلار (ماقال).∥دانا قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىق دەردىنى ساق (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەقىل-ئىدراك بىلەن ئېيتىلغان، ئەقىل-پاراسەتتىن دالالەت بېرىدىغان، ئاقىلانە:[مىسال:] دانا تەدبىر.

داناكچا

  • داناكچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناۋاتنىڭ كرىستال بولۇپ قاتقان شەكلى.

دانالىق

  • دانالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دانىشمەنلىك، ئاقىللىق:[مىسال:] ياخشى ئانام، ئاپئاق ئانام ئانىسىنى قۇچاقلىدى سۇتۇق، سىزنىڭ مۇشۇنداق دانالىقىڭىز ئون تۈمەن چېرىكتىن كۈچلۈك.

دانە

  • دانە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دانە-دانە قىلىپ ئايرىغىلى بولىدىغان دان، ئۇرۇق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەربىر بۆلىكى:[مىسال:] تۇخۇمنىڭ دانىسى. قارىقاتنىڭ دانىسى. ئانار دانىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلارغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئاساسەن يۇمىلاق نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىگە بارغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمىزگە يەتتە دانە تېلېۋىزور ئالغاچ كەلدۇق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەزى ئايرىم-ئايرىم تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرى:[مىسال:] بۇ دورىنى كۆرسىتىلگەن مىقداردا يەپ بەرسە، بۇۋاسىرنىڭ دانىلىرىنى چۈشۈرىدۇ.

دانە-دانە

  • دانە-دانە[يەشمىسى:] ① بىر دانە-بىردانىدىن تۇرىدىغان، دانىلىرى ئايرىم-ئايرىم تۇرىدىغان:[مىسال:] ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرغان دانە-دانە بۇغدايلار ئىككى يەرگە ئېگىز چەش قىلىپ دۆۋىلەندى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوچۇق، روشەن، ئېنىق چۈشىنىشلىك:[مىسال:] تۇردى ئاكا بۇ يىگىتكە بىرپەس تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، ھەربىر سۆزنى دانە-دانە قىلىپ ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

دانچە

  • دانچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك، ئۇششاق دان:[مىسال:] گۆدەك قىز گۈرۈچ دانچىلىرى يېپىشىپ تۇرغان ئويماقتەك ئاغزىنى قېيىدىغاندەك سەل ئۈمچەيتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دانىلىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۇششاق بۆلەكلىرى، تامچە:[مىسال:] تۆمۈر خەلپىنىڭ كىرپىكلىرىدىكى ياش دانچىلىرى ئاي نۇرىدا خۇددى مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇراتتى.

دانچۇق

  • دانچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇچار قاناتلارنىڭ پوكىنى، يەمتۈك:[مىسال:] توخۇنىڭ دانچۇقى.[يەشمىسى:] ② قەپەستە بېقىلىدىغان ئۇچار قاناتلارغا دان بېرىلىدىغان كىچىك قاچا.[يەشمىسى:] ③ قىسماقنىڭ دان بېكىتىلگەن ئىلغۇچى:[مىسال:] قىسماقنىڭ دانچۇقى.

دانخور

  • دانخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچار قاناتلارنىڭ ئاساسەن دان يەپ ياشايدىغان تۈرى:[مىسال:] دانخورلار ئەترىتى.

دانسىز

  • دانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دېنى يوق، دېنى ئاز:[مىسال:] دانسىز بۇغداي.

دانلاتماق

  • دانلاتماق[يەشمىسى:] «دانلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نېمە قىلىۋاتىسىز توخۇلىرىمنى دانلىتىپ يۈرىمەن.

دانلاشماق

  • دانلاشماق[يەشمىسى:] «دانلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خاماندا بىر توپ كەپتەر دانلىشىپ يۈرەتتى.

دانلىق

  • دانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دېنى بار، دان تۇتقان:[مىسال:] دانلىق باشاقلار.[يەشمىسى:] ② دېنى يوغان، تولۇق دان ئالغان، سەردان:[مىسال:] روزىمەت شالدىرشاپتىكى ئاپئاق دانلىق ئۈجمىلەرنى بىر-بىرلەپ ئاغزىغا سالدى.[يەشمىسى:] ③ دان بېرىدىغان، دان چىقىدىغان، دان يېتىشتۈرۈلىدىغان:[مىسال:] دانلىق زىرائەتلەر.

دانلىماق

  • دانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دان تېرىپ يېمەك:[مىسال:] كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدە توخۇلار دانلاپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىرتلاردا تىرىكچىلىك قىلماق، ئوقەت قىلماق، كۈن ئالماق:[مىسال:] يىراق-يىراقلارغا بېرىپ، تۆت-بەش زامان دانلاپ كېلەيمىكىن دەيمەن.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىرتتا بەزى نېرى-بېرى ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەك:[مىسال:] بۇ چوكان ئېرىنى باشقا يەرلەردە دانلاپ يۈرىدۇ دەپ ئويلاپ، سەل كەچرەك كەلسىلا گۇمانلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشاتتى.

دانىخورەك

  • دانىخورەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىز-يىگىتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتكەندە يۈزلىرىگە چىقىدىغان يىرىڭلىق قاپارتما.

دانىش

  • دانىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئىلىم، بىلىم، مەلۇمات.[يەشمىسى:] ② بىلىملىك، مەلۇماتلىق كىشى؛ ئالىم، دانىشمەن.

دانىشمەن

  • دانىشمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چوڭقۇر بىلىملىك، كۆپ نەرسىلەرنى بىلگۈچى دانا كىشى؛ ئالىم.

دانىشمەنلەرچە

  • دانىشمەنلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دانىشمەنلەرگە خاس، دانالاردەك قىياپەتتە، دانىشمەنلىك بىلەن.

دانىشمەنلىك

  • دانىشمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىلىملىك، بىلىمى كۆپلۈك، ئالىملىق:[مىسال:] ئوھوي، مەرگەنلىكىڭ بىلەن بىللە[مىسال:] دانىشمەنلىكىڭمۇ جايىدا ئىكەن، دېدى تۆمۈر خەلپىمۇ كۈلۈپ كېتىپ.

دانىكا

  • دانىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. ئاق ياكى رەڭسىز كرىستال بولۇپ، سۇدا ئېرىيدۇ. ئادەتتە ئوپتىك ئەينەك، تېببىي دورا، كەپشەر دورىسى، رېئاكتىپ، ئېمال سىرى قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

دانىلىق

  • دانىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دانىلاردىن تەشكىل تاپقان، دانىلاردىن تۈزۈلگەن:[مىسال:] يوغان دانىلىق ئۇزۇن تەسۋى.

دانىلىماق

  • دانىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىردانە-بىردانە قىلماق، دانە-دانە قىلماق:[مىسال:] دانىلاپ تېرىماق.

دانىمۇدانە

  • دانىمۇدانە[يەشمىسى:] ① بىردانە-بىردانىدىن، بىر-بىرلەپ، بىردىن-بىردىن:[مىسال:] سەرراپ تىللالارنى دانىمۇدانە ساناپ ھەميانىغا سالدى.[يەشمىسى:] ② روشەن، ئېنىق، ئوچۇق:[مىسال:] ئەكبەر ھەربىر گەپنى دانىمۇدانە قىلىپ، ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئاسىمغا چۈشەندۈردى.

داھىي

  • داھىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۆلەت، سىياسىي تەشكىلات، ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ يولباشچىسى:[مىسال:] پرولېتارىيات داھىيسى. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى.

داھىيانە

  • داھىيانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] داھىيلارغا خاس دانالىق بىلەن:[مىسال:] داھىيانە يىراقنى كۆرەرلىك. ∥داھىيانە كۆرسەتمە. داھىيانە تەدبىر.

داھىيانىلىك

  • داھىيانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داھىيلارغا خاس دانالىق:[مىسال:] لېنىننىڭ تەدبىرلىرى ھەقىقەتەن داھىيانىلىك بىلەن كۆرۈلگەن تەدبىرلەر ئىدى.

داھىيلىق

  • داھىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يولباشچىلىق، باشلامچىلىق، يېتەكچىلىك:[مىسال:] ئاممىۋى ھەرىكەت كۆتۈرۈلگەندە ئامما بىرەر دانا يولباشچىنى داھىيلىققا كۆتۈرىدۇ.

داۋاⅠ

  • داۋاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كېسەلنى ساقايتىش چارىسى، دورا-دەرمەك:[مىسال:] ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگۈچە، داۋاسىنى تاپقىلى بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② پايدىلىق ۋاسىتە، شىپا:[مىسال:] ساپ ھاۋا-تەنگە داۋا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئامال، ئىلاج، چارە:[مىسال:] كۆيۈك داۋاسى. ئىشق داۋاسى.

داۋاⅡ

  • داۋاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جازا، ئەدەب:[مىسال:] داۋىسىنى بەرمەك. داۋىسىنى يېمەك.

داۋاⅢ

  • داۋاⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەرلىك ئۇسۇلدا رەخت بوياش ماتېرىيالى قىلىنىدىغان يۇلغۇن چېچىكىنىڭ بىر خىلى.

داۋاⅣ

  • داۋاⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① گىرىژ، يەنى سېرىق ئەتنىڭ يىرىلىپ كېتىشى بىلەن ئۈچەي خالتىسىغا چۈشۈپ قېلىپ، تاشاق يوغىناپ كېتىدىغان بىر خىل كېسەل؛ پورداق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەرىكىتى چەبدەس بولمىغان، يولنى تېز ماڭالمايدىغان كىشى، سۆرەلمە، قاشاڭ.

داۋاسىز

  • داۋاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① داۋاسى يوق، شىپاسىز، ساقايماس:[مىسال:] بۇ داۋاسىز كېسەل مېنىڭ جېنىمغا تىكىلىپ كەلگەن ئوخشايدۇ.[يەشمىسى:] ② ئىلاجىنى تاپقىلى بولمايدىغان، ئامالنى قىلغىلى بولمايدىغان:[مىسال:] ئەجەبمۇ داۋاسىز دەردكە يولۇقتۇم.

داۋالاتماق

  • داۋالاتماق[يەشمىسى:] «داۋالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنى كۆپ يەرلەرگە ئاپىرىپ داۋالاتتى.

داۋالاشماق

  • داۋالاشماق[يەشمىسى:] «داۋالىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

داۋالانماق

  • داۋالانماق[يەشمىسى:] «داۋالىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە بىر ئايغا يېقىن داۋالاندىم.

داۋالغۇتماق

  • داۋالغۇتماق[يەشمىسى:] «داۋالغۇماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى لەھەڭ سۇنى داۋالغۇتۇپ، سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپتۇ.

داۋالغۇشماق

  • داۋالغۇشماق[يەشمىسى:] «داۋالغۇماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

داۋالغۇلۇق

  • داۋالغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داۋالغۇپ تۇرغان، تىنچ بولمىغان، تۇراقلىق بولمىغان:[مىسال:] داۋالغۇلۇق يىللار.

داۋالغۇماق

  • داۋالغۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇ، دەل-دەرەخ قاتارلىقلار سىرتقى ياكى ئىچكى كۈچنىڭ تەسىرىدىن چايقالماق، ئىرغاڭلىماق، لىڭشىماق، تەۋرەنمەك:[مىسال:] نىجاتنىڭ قولىدا بىر رومكا قىزىل ھاراق داۋالغۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئادەملەر توپى تەۋرەنمەك:[مىسال:] ئادەملەر خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك بىر ئۇيانغا-بىر بۇيانغا داۋالغۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم نەرسىنىڭ ساداسى ھاۋادا ياڭرىماق، ھاۋانى تىترەتمەك:[مىسال:] ھۇررا سادالىرى دولقۇنسىمان داۋالغۇپ پەلەكلەردە پەرۋاز قىلاتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەشۋىش، خۇشاللىق، ھاياجان ۋە باشقا پسىخىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھېسسىيات، روھىي كەيپىياتلار تىنچسىزلانماق، دولقۇنلىماق، ئۇرغۇماق:[مىسال:] جەننەتنىڭ سۆزىنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ تىنچسىز كۆڭلى تېخىمۇ داۋالغۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑤ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقتىن ئىرغاڭلىماق، دەلدەڭشىمەك:[مىسال:] ئۇ ئىككى قولىنى سوزۈپ ئالدىغا بىر قەدەم باستى-دە، داۋالغۇپ يىقىلدى.[يەشمىسى:] ⑥ ئىجتىمائىي كەيپىيات تۇراقسىزلانماق، ئۆزگىرىپ تۇرماق، تىنچسىزلانماق، تەۋرەنمەك:[مىسال:] بۇ ئادەمنىڭ جياڭجۈنلىك تەختىگە مىنگەن كۈنلىرى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قاتتىق داۋالغۇپ تۇرغان پەيتىگە توغرا كەلدى.[يەشمىسى:] ⑦ لىغىرلىماق، مۆلدۈرلىمەك:[مىسال:] ئۇ ناخشىنى ياخشى ئېيتتى، قايناق مۇھەببەت قەلبىدە جۇشقۇنلاپ، كۆز چاناقلىرىدا ئىسسىق ياش داۋالغۇدى.

داۋالىق

  • داۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داۋا بولىدىغان ئۈنۈمى، رولى، تەسىرى بار؛ مەنپەئەتلىك:[مىسال:] ھەر خىل ھايۋان گۆشلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان غىزالىق ۋە داۋالىق تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.

داۋالىماق

  • داۋالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېسەلنى ساقايتىش چارىلىرىنى قىلماق، دورا بۇيرۇماق، دورا بەرمەك، ئەملىمەك:[مىسال:] كېسەلنى نۇرغۇن دورىلار بىلەن داۋالىغان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى.

داۋام

  • داۋام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ۋەقە، ھادىسە، جەريان ۋە ئىش-ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر جاي ياكى مەلۇم بىرۋاقىتتىن كېيىنكى قىسمى:[مىسال:] يولنىڭ داۋامى. چۆچەكنىڭ داۋامى. داۋام قىلماق.

داۋامەت

  • داۋامەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دائىم، ھەمىشە، ھەر ۋاقىت، ھەر چاغ:[مىسال:] يوقلۇقىدىن ئادالەت، كۆڭلۈمدە كۆپ ئاداۋەت، قولدا قىساس قىلىچىم، يالتىرايدۇ داۋامەت.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

داۋاملاشماق

  • داۋاملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم ۋەقە، ھادىسە، جەريان ۋە ئىش-ھەرىكەت مەلۇم بىر ۋاقىتقىچە سوزۇلماق:[مىسال:] شىنجاڭدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملاشقان ئىستىبدات قارا سىياسەت غۇلجا ئىنقىلابى نەتىجىسىدە تامام بولدى.[يەشمىسى:] ② توختاپ قالغان ياكى توختىتىپ قويۇلغان بىرەر ۋەقە، ھادىسە، جەريان ۋە ئىش-ھەرىكەتنىڭ قالغان قىسمىنى ئۇلاپ ئېلىپ بارماق:[مىسال:] يىغىن ئەتە يەنە داۋاملىشىدۇ.

داۋاملىق

  • داۋاملىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داۋام ئېتىپ تۇرغان، دائىمىي، دائىملىق:[مىسال:] داۋاملىق ھەرىكەتلەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەمىشە، دائىم، داۋامەت:[مىسال:] مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئامىنەنى داۋاملىق ئوقۇتىمەن.

داۋامىدا

  • داۋامىدا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى ئىش-ھەرىكەت يۈز بېرىۋاتقان ۋاقىت ئىچىدە، يۈز بېرىش جەريانىدا:[مىسال:] ئۇرۇش داۋامىدا. ئەمەلىيەت داۋامىدا.

داۋانⅠ

  • داۋانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاغ ۋە تۆپىلىكلەرنىڭ يول ئېلىنغان، ئېشىپ ئۆتىدىغان جايى:[مىسال:] ئاپتوموبىل داۋاندىن چۈشكىچە ماي بەرمىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولىدىغان توسۇق، توسقۇنلۇق، قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت:[مىسال:] كەمبەغەل بولغاندىكىن، نۇرۇم دېگەندەك چوڭ توي دېگەن بىزگە چىققىلى بولمايدىغان داۋان-دە.

داۋانⅡ

  • داۋانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توقۇش دۇكىنىدىكى ئۆرۈش يىپلارنىڭ ئاياغ تەرىپىنى مەلۇم ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قۇرۇلما.

داۋانⅢ

  • داۋانⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جىگدە قاقىدىغان تاياق.

داۋ-دەرەخ

  • داۋ-دەرەخ[يەشمىسى:] «دەل-دەرەخ»كە قاراڭ.

داۋراڭ

  • داۋراڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① داغدۇغىلىق خەۋەر، ئاتاق:[مىسال:] ئۇنىڭدىنمۇ مىڭ تىللا مىراس قالدى، بۇ داۋراڭ ھەممە يەرگە تارالدى.[يەشمىسى:] ② يوغان گەپ، چوڭ سۆز، سۈرەن-چۇقان:[مىسال:] سادىقنىڭ تۆت ئايغا مۆلچەرلىگەن قىشلىق قۇرۇلۇش پىلانلىرى تۈگىمەس مەجلىس ۋە قۇرۇق داۋراڭلار ئاستىدا بېسىلىپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ داغدۇغا، دەبدەبە، ھەيۋەت:[مىسال:] ئامانقۇل بىلەن خوجىنىياز پالۋانلار ياقۇپ ياساۋۇلنى داۋراڭ بىلەن ئەكىلىپ خاتا قىلغانلىقىنى چۈشەنگەندەك يەرگە قاراپ جىم تۇرۇشتى.

داۋراڭچى

  • داۋراڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋراڭ سالغۇچى، داۋراڭ كۆتۈرگۈچى:[مىسال:] ئۇ داۋراڭچىنىڭ ئاغزىنى بىرئاز تۇۋاقلاپ قويۇش كېرەك ئىدى.

داۋراڭچىلىق

  • داۋراڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋراڭ سالىدىغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] قۇرۇق داۋراڭچىلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، ئەمەلىي روھ بولۇشى كېرەك.

داۋراڭسىز

  • داۋراڭسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داۋرىڭى يوق، داۋراڭ قىلىنمىغان، جىم:[مىسال:] ھەرھالدا بۇ ئىش داۋراڭسىز بېسىقىپ قاپتۇ.

داۋزىچوپ

  • داۋزىچوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەشۈت چىقىرىۋاتقان قازان بېشىدىكى گىجەك بىلەن غاغىرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شوتىسىمان كىچىك ياغاچ سايمان.

داۋغان

  • داۋغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «سۇغۇر»غا قاراڭ.

داۋلى

  • داۋلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئىشنىڭ ھەقىقىتى، قانۇنىيىتى، قائىدىسى، يولى، ھەق-ناھەقلىق ئاساسى:[مىسال:] ئوغلىنىڭ بۇنچىلىك چوڭ داۋلىلارنى قويۇپ، ئاپىسىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويۇشىنى كىم ئويلىغان دەيسىز.

داۋلىسىز

  • داۋلىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داۋلىسى يوق، داۋلى سۆزلىمەيدىغان، قائىدە ئۇقمايدىغان:[مىسال:] ئۇ بىر داۋلىسىز بىرنېمە، باردى-كەلدى قىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ.

داۋلىسىزلىق

  • داۋلىسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يولسىزلىق:[مىسال:] ئەمەت بۇ ئىشتا تولىمۇ داۋلىسىزلىق قىلدى.

داۋلىلاشماق

  • داۋلىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى ياكى بىرقانچە تەرەپ ئۆزئارا داۋلى قويۇشماق، داۋلى سۆزلەشمەك:[مىسال:] مەن سەن بىلەن داۋلىلىشالمايمەن ھەم داۋلىلاشساممۇ ساڭا تەڭ كېلەلمەيمەن.

داۋلىلىق

  • داۋلىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① داۋلىسى بار:[مىسال:] بۇ خېلى داۋلىلىق گەپ بولدى.[يەشمىسى:] ② داۋلى ئۇقىدىغان:[مىسال:] داۋلىلىق ئادەم.

داۋۇل

  • داۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوۋغا چىققاندا، ئوۋلارنى ئۈركۈتۈپ بىر يەرگە يىغىش ۋە جەڭدە ئۆز لەشكەرلىرىگە مەدەت، بېرىپ، قارشى تەرەپكە ۋەھىمە سېلىش ئۈچۈن چېلىنىدىغان مەخسۇس ناغرا.

داۋېي

  • داۋېي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى دۆلەتنىڭ ۋېيگۈەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي دەرىجە. شاڭۋېيدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

داۋىخور

  • داۋىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داۋىسىنى بېرىپ ئەدەپلەپ تۇرمىسا ئۇنىمايدىغان:[مىسال:] بىزنىڭ يۇرتنىڭ بېگى داۋىخور ئادەم ئىدى.

داۋىخورلۇق

  • داۋىخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋىسىنى يەپ، ئەدەپلىنىپ تۇرمىسا ئۇنىمايدىغان قىلىق، مىجەز:[مىسال:] سەن ئانداق داۋىخورلۇق قىلما

داۋىماق

  • داۋىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] داۋان ئاشماق.

دائىر

  • دائىر[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] («-غا-قا، -گە، -كە»دىن كېيىن كېلىپ) مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار، ئائىت، دائىرىسىدىكى، ئالاقىسى بولغان:[مىسال:] تارىخقا دائىر. تېخنىكىغا دائىر كىتابلار.

دائىرە

  • دائىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھالقا، ئايلانما، چەمبەر:[مىسال:] دائىرە سىزماق.[يەشمىسى:] ② مۇئەييەن چېگرا، پاسىل ئىچىدىكى زېمىن، يەر-جاي:[مىسال:] شاڭخەيدىن چىقىپ ئۈچ كېچە-كۈندۈز يۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ دائىرىسىگە كىردۇق.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم ئىش-ھەرىكەت ۋە پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى بۇ ئىش-ھەرىكەت يۈز بېرىدىغان جاينىڭ مىقياسى، كۆلىمى:[مىسال:] ھەرىكەت دائىرىسى. * ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى تولىمۇ كەڭ.[يەشمىسى:] ④ چەك، چېگرا، چەكلىمە، رامكا:[مىسال:] بىر ئىشچىغا رۇخسەت بېرىش كارخانا باشلىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىش.[يەشمىسى:] ⑤ (كۆپلۈك قوشۇمچىسى «-لار، -لەر» بىلەن كېلىپ) بىرەر كەسىپ، ساھە ياكى تەبىقىگە مەنسۇپ كىشىلەر توپىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھۆكۈمران دائىرىلەر. شەرىئەت دائىرىلىرى.[يەشمىسى:] ⑥ (كۆپلۈك قوشۇمچىسى «-لار، -لەر» بىلەن) بىرەر دۆلەت، پايتەخت نامىنىڭ كەينىدە كېلىپ، شۇ دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] موسكۋا دائىرىلىرى. بېيجىڭ دائىرىلىرى.[يەشمىسى:] ⑦ جۈملىسى، ئىچى، تەركىبى:[مىسال:] مۇتلەق كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى نورمال ھالەتتىكى بالىلار دائىرىسىگە كىرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑧ خىل، تۈر:[مىسال:] شەيئىلەرنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ۋە تەرەققىياتى چەكسىز بولىدۇ.

دائىرىلەنمەك

  • دائىرىلەنمەك[يەشمىسى:] «دائىرىلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايۋان سارايدا بىر پارچە يەر كۆك پەردە بىلەن دائىرىلىنىپ، گىرىمخانا قىلىندى.

دائىرىلىك

  • دائىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دائىرىسى بار، دائىرىسى بولغان، دائىرە شەكلىدىكى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، ئاۋۋالقى كىچىك دائىرىلىك قەشقەر ئورنىدا 15 يىل ئەتراپىدا بىر گۈزەل يېڭى ئاستانە قەد كۆتۈردى.

دائىرىلىمەك

  • دائىرىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دائىرە ئىچىگە ئالماق، پاسىل ئىچىگە ئالماق، دائىرىسىنى بەلگىلىمەك:[مىسال:] تاشقىرىغا تاقاپ ياسالغان كىچىك بىر قاش كۆلنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى دائىرىلەپ، كىچىك بىر كۆلچەك ھاسىل قىلغانىدى.

دائىم

  • دائىم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەمىشە، ھەرچاغ، ھەممە ۋاقىت، ھەرقانداق ۋاقىت:[مىسال:] كىشىلەر دائىم يىلنىڭ ئىشى باھاردىن، كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن دەيدۇ.

دائىما

  • دائىما[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دائىم:[مىسال:] كاتىپ يىغىن قارارلىرىنى دائىما خاتىرىلەپ ماڭىدۇ.

دائىملاشتۇرماق

  • دائىملاشتۇرماق[يەشمىسى:] «دائىملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش كېرەك.

دائىملاشماق

  • دائىملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت دائىملىق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] سىلەردە سىياسىي ئۆگىنىشنىڭ دائىملىشىشى تازا دېگەندەك ئەمەسكەن.

دائىملىق

  • دائىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دائىمىي:[مىسال:] ئۇ زامانلاردا نامراتلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىك، قايغۇ-ھەسرىتى دائىملىق ئىكەن.

دائىمىي

  • دائىمىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دائىم بولۇپ تۇرىدىغان، ھەممە ۋاقىت داۋام قىلىدىغان، ھەمىشە مەۋجۇت بولىدىغان:[مىسال:] ئۇلار توقۇنۇش بولۇپ قالغان تەقدىردە تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەتتا دائىمىي تەشكىلاتلارنى قۇرىدۇ.

دائىمىي كومىتېت

  • دائىمىي كومىتېت[يەشمىسى:] پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا كۈندىلىك ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغۇچى ئورگان:[مىسال:] خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى.

دايمال

  • دايمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ساڭگىلاپ كەتكەن شاخ ياكى قىڭغىيىپ قالغان تام قاتارلىقلارنىڭ يېرىلىپ كەتمەسلىكى، يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن تىرەپ قويۇلىدىغان ياغاچ؛ تىرەك.

دايۈەنشۇەي

  • دايۈەنشۇەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋان، يەنى بەزى دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق قىسىملىرىدىكى يۈەنشۇەيلەر ئىچىدە ئەڭ ئالىي قوماندان. ئۇ يۈەنشۇەيدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

دايى

  • دايى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئامبالنىڭ خىزمەتچىسى:[مىسال:] ئامبال ئالدىدا دايى كەينىدە، مەن قانداق قىلاي زۇلۇم دەستىدە.

دايىماق

  • دايىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① تەمىنلىمەك، قامدىماق، باقماق، [يەشمىسى:] ② تىرىمەك.

دە

  • دە[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ① قوشما جۈملىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ، كېيىنكى بۆلەكتە ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتنىڭ تېزدىن ئىشقا ئاشقانلىقى ياكى ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ ھارىۋىدىن چۈشتى-دە، ئۆيگە قاراپ چاپتى.[يەشمىسى:] ② جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ماختاش، قايىل بولۇش، سۆيۈنۈش تەرزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ناخشا دېگەننى سويىدۇ-دە، بۇ قىز.[يەشمىسى:] ③ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ئۆكۈنۈش، ئەپسۇسلىنىش تەرزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، بۇ مال قولدىن چىقىپ كېتىدىغان بولدى-دە.[يەشمىسى:] ④ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ئەيىبلەش، تاپا قىلىش تەرزدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ساقىلىڭغا ئاق كىردى، تېخى ئادەم بولمىدىڭ-دە.[يەشمىسى:] ⑤ گەپكە سوئال تۈسىنى بېرىدۇ:[مىسال:] بۇ ئاياغدىن سىزمۇ بىر كىشىلىك ئاپسىز-دە[يەشمىسى:] ⑥ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ئارزۇ، ئىستەك تەرزدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مۇزدەك سۇ بولغان بولسا قانغۇچە ئىچەتتى-دە، كىشى.[يەشمىسى:] ⑦ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن چۈشەنچىنىڭ يېڭى ھاسىل بولغانلىقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئۇينايدۇ:[مىسال:] بۇ پىتنە-پاسات سۆزلەرنى سەن يېيىپ يۈرۈپتىكەنسەن-دە.[يەشمىسى:] ⑧ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۈچەيتىش تەرزدە ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] ئۇمۇ جان بېقىش ئۈچۈن ئوقەت قىلىشى لازىم-دە.[يەشمىسى:] ⑨ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ بولغىنىچىلا ئورۇندىلىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تاڭنى ئاتقۇزدۇق-دە، بىر ئامال قىلىپ. * جاۋاب بەردىم-دە، بىر نېمىلەرنى دەپ.

دەبدەبە

  • دەبدەبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھاياجاننى ئۇرغۇتىدىغان، لەرزىگە كەلتۈرىدىغان كەيپىيات، قىياپەت، مەنزىرە، ھەرىكەت:[مىسال:] كەينىدە لەشكىرى-ئالدىدا ئەلەم، قايتىپتۇ شان-شەرەپ دەبدەبە بىلەن.[يەشمىسى:] ② ھەددىدىن زىيادە سۆلەتۋازلىق، ھەشەمەت، تەنتەنە، داغدۇغا:[مىسال:] ئۇ قازىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، شەھەرگە دەبدەبە بىلەن كىرىپ كەپتۇ.

دەبدەبىلىك

  • دەبدەبىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھاياجاننى ئۇرغۇتىدىغان، لەرزىگە ياكى ۋەھىمىگە سالىدىغان:[مىسال:] دەبدەبىلىك ھەرىكەت. دەبدەبىلىك ھەربىي يۈرۈش.[يەشمىسى:] ② ھەددىدىن زىيادە سۆلەتلىك، ھەشەمەتلىك، داغدۇغىلىق:[مىسال:] بۇ يەردە مۇختارىيەت ناھىيىسى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كاتتا، دەبدەبىلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

دەپ

  • دەپ[يەشمىسى:] «دېمەك» پېئىلىنىڭ رەۋىشداش شەكلى بولۇپ جۈملىدە كۆچۈرمە تەركىب بىلەن بىرىكىپ: [يەشمىسى:] ① كۆچۈرمىدىكى مەنىنى ئىزھار قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنداق دېسەم، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان نېمىكەن دەپ قالماڭ.[يەشمىسى:] ② شەيئىنى شۇ كۆچۈرمىدىكى نام بىلەن ئاتاشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوغلۇمغا«تەمكىن» دەپ ئات قويدۇم.[يەشمىسى:] ③ كۆچۈرمىدىكى پىكىرنى باھانە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يەرلەرنى زەي بېسىپ كەتتى دەپ مەھەللىدىن كۆچۈپ كەتسەك بىزدەك پارتىيە ئەزالىرى نېمىگە كېرەك[يەشمىسى:] ④ كۆچۈرمىدىكى پىكىرنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ مەلەڭدىن بۇ مەلەڭگە كۆرەي دەپ كەلدىم، مەيلىڭ بارمۇ، مەيلىڭ يوقمۇ، سىناي دەپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ⑤ كۆچۈرمىدىكى ئىش-ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەنلىك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شەھەر ئالىمەن دەپ شەرمەندە بوپتۇ (ماقال). * ئۇستىلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويدى.[يەشمىسى:] ⑥ كۆچۈرمىدىكى گەپ بىلەن ئەيىبلەش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كۈلدى دەپمۇ ئۇرساڭ، يىغلىدى دەپمۇ ئۇرساڭ، زادى قانداق قىلسا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ كۆچۈرمىدە ئىپادىلەنگەن نەرسىنى تەلەپ قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قانچە بۇلبۇللار مازاردا «سۆيگۈنۈم» دەپ سايرىغان.

دەپ قويماق

  • دەپ قويماق[يەشمىسى:] ① بىرەر خۇپىيانە گەپ ياكى ئىشنى ئاشكارىلىماق، ئېيتىپ قويماق:[مىسال:] ئابلىز تۆنۈگۈن ھاراق ئىچكەنلىكىڭنى ئاتاڭغا دەپ قويدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر گەپنى بىركىمگە ئېيتىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلماق:[مىسال:] قاسىم كېتەر ۋاقتىدا ئەھۋالنى ئوقۇتقۇچىمىزغا دەپ قويۇشنى ئۆتۈندى.[يەشمىسى:] ③ ئېيتىپ قويماق، خەۋەرلەندۈرمەك، ۋاقىپلاندۇرماق:[مىسال:] سەن خاتىرجەم كېتىۋەرگىن، مەن كەچقۇرۇن بېرىپ ئۆيۈڭدىكىلەرگە دەپ قويىمەن.[يەشمىسى:] ④ راستىنى ئېيتماي، قارشى تەرەپنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، باشقىچىرەك بىر گەپ قىلماق:[مىسال:] گۈلنار نېمە ئۈچۈندۇر سىلەرنى كۆرگۈم كېلىپ تۇرالماي كەلدىم، دەپ قويدى.

دەپ كەتمەك

  • دەپ كەتمەك[يەشمىسى:] ① ئىچىدىكى گەپلەرنى ئايىماي سۆزلىمەك، دېمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىشىغا قاراپ ياشا، ياشا دەپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ② تەكرار سۆزلىمەك، تەكرارلاۋەرمەك:[مىسال:] بۇ گەپنى نېمانچە دەپ كېتىسەن دېدى ئۇ ئايالىغا خاپا بولۇپ.

دەپ كەلسە گەپ تولا

  • دەپ كەلسە گەپ تولا[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ۋەقە ياكى سەرگۈزەشت جەريانىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، ئۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

دەپتەر

  • دەپتەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گېرك[[يەشمىسى:] خەت يېزىش خاتىرە قالدۇرۇش ئۈچۈن تۈپلەپ تەييارلانغان قەغەز:[مىسال:] مەشىق دەپتىرى. شالاڭ سىزىقلىق دەپتەر. ھېسابات دەپتىرى. كۈندىلىك خاتىرە دەپتەر.

دەپتەرچە

  • دەپتەرچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك دەپتەر.

دەپتەردار

  • دەپتەردار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىم-چىقىمنى باشقۇرغۇچى كىشى-خەزىنىچى؛ دەپتەرچى.

دەپتەر-قەلەم

  • دەپتەر-قەلەم[يەشمىسى:] دەپتەر، قەلەم ۋە شۇ قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرى:[مىسال:] مەكتەپ خىراجىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان دەپتەر-قەلەم خىراجەتلىرىنى ھىسامىدىن زۇپەر ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.

دەپتىن

  • دەپتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەرلىك توقۇمىچىلىقتا ئۆرۈش يىپلارغا موكا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئارقاقلارنى چىڭىتىدىغان سۈزگۈچسىمان تىغ ئورنىتىلغان قوش تاختاي:[مىسال:] دەپتىن تىغى. دەپتىن شانىسى.

دەپسە

  • دەپسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېگەرنىڭ بېلى (قوڭقىسى) ئۈستىگە سېلىنىدىغان، يۇمشاق كۆن ياكى قىرىمدىن ئىشلەنگەن كۆرپە.

دەپسەتمەك

  • دەپسەتمەك[يەشمىسى:] «دەپسىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتا بالىسىغا ئۆگەتتى:[مىسال:] ئاۋۋال ئۆنچىلەرنى ئاياغ سېلىپ، ئاتقا قۇرۇق دەپسەت، ئاندىن تۇلۇققا قوشۇپ ھەيدەپ يۇمشات.

دەپسەك

  • دەپسەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ ئۈستىدىكى تۈزلەڭ يەر.

دەپسەنⅠ

  • دەپسەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كالتە قونچلۇق پىيما.

دەپسەنⅡ

  • دەپسەنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەسسەپ يانجىغان پاخال.

دەپسەندە

  • دەپسەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياغ ئاستى:[مىسال:] داۋانچىڭدىن ئۆتكەندە، بايانخۇغا يەتكەندە. چېرىكىڭگە مىڭ لەنەت، ئەجەب قىلدى دەپسەندە.

دەپسەندىلىك

  • دەپسەندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەپسەندە بولۇش ھالىتى:[مىسال:] ئۇ ئۆلدى ھۆرلۈك دەپ چېچىپ قېنىنى، قوغداپ پاك ۋىجداننى دەپسەندىلىكتىن.

دەپسەنگە

  • دەپسەنگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋېلىسىپىتنىڭ تەپكىسى، پېدال.

دەپشىمەك

  • دەپشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئات ياكى ئېشەكنى مىنگەندە تېز ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئىككى بىقىنىغا تەپمەك؛ دېۋىتمەك.

دەپنەⅠ

  • دەپنەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلۈكنى يەرلىككە قويۇش، كۆمۈش:[مىسال:] نۇرىدىن ۋەسىيىتىنى تۈگىتىپلا جان ئۈزۈپتۇ. شاھمۇ، ئەمىرلەرمۇ قايغۇرۇشۇپتۇ. شاھ ۋەزىرلەر دەپنە رەسمىيەتلىرىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈپ، كۆمۈپ قويۇپتۇ.

دەپنەⅡ

  • دەپنەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «لاۋر»غا قاراڭ.

دەپئى

  • دەپئى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تۈگىتىش، يوقىتىش، قايتۇرۇش:[مىسال:] بۇ مەرەز كېسەلنىڭ دەپئى ئۈچۈن قىلمىغان دورام قالمىدى.

دەپىنە

  • دەپىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆمۈپ قويۇلغان بايلىق، خەزىنە:[مىسال:] ئاغزىڭ قۇلىقىڭغا يېتىپتۇ-غۇ، باي غوجامنىڭ دەپىنىسى ئۇچرىدىمۇ نېمە ساڭا[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى زاماندا جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن تۇرمۇش جابدۇقلىرى ۋە باشقا ئومۇمىي ئىقتىسادىي مۈلۈك.

دەپىنە-دۇنيا

  • دەپىنە-دۇنيا[يەشمىسى:] يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا ھەممە مال-مۈلۈك؛ بار-يوقى بايلىقنىڭ ھەممىسى:[مىسال:] ئۇنىڭدىن دەپىنە-دۇنيا قالدى دېگەندىمۇ ئۇلارنى ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كەتكىلى بولارمىدى.

دەتالاش

  • دەتالاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىكرىدە بىرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، بىر-بىرىگە يول قويماي، ۋارقىرىشىپ گەپ تالىشىش:[مىسال:] دەتالاش قىلماق. * بۇ دەتالاش ئۈستىگە كېلىپ قاپتۇ بىركالا، قۇشقاچقا ئېلىپ شادلىق، پاقىۋايغا بىر بالا.

دەتالاشماق

  • دەتالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پىكىرىدە بىرلىككە كېلەلمەي تالاشماق، تالاش-تارتىش قىلماق:[مىسال:] توي قىلغاندىن تارتىپ سەن-پەن دېيىشمەي ئۆتۈپ كەلگەن قۇددۇس بىلەن ئازادگۈل 200 كوينى قانداق خەجلەش ئۈستىدە دەتالىشىپ قالدى.

دەتتە-دەتتە

  • دەتتە-دەتتە[يەشمىسى:] بارا-بارا، پەيدىنپەي.

دەتتىكام

  • دەتتىكام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قىمارۋاز تۆت ئوشۇقنى يەرگە ئاتقان چاغدا، مەيدىسىگە ياكى پاچىقىغا شاپىلاقلاپ تۇرۇپ ئېيتىدىغان سۆز:[مىسال:] سىدىق ئاخىرى ھېلىقى ئاق تۇماققا بۇرۇلۇپ: قاراپ تۇر، ئوشۇقنى مانا مۇنداق ئاتىدۇ. دەتتىكام، ياپىرىم جەمشىت، دەپ ئوشۇقنى ئېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قىمارۋازلارنىڭ دو چىققانلارغا نىسبەتەن دوغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىمار:[مىسال:] ئوقەت قىلىشنى ئازغۇنلۇق دېدى، ھەممىنى تىكتى «دەتتىكام» غىلا؛ باشقا كىيدى پۈتۈن مەھەللىنى ھېچبىر يەرنى قويمىدى ئالا.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەۋەككۇل:[مىسال:] پەرىزات ئويلىنىپ دېدى؛ تىرىكچىلىك دېگەنگە ئازراق دەتتىكام قىلماي بولامدۇ

دەججال

  • دەججال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي ئەقىدىلەرگە كۆرە قىيامەت يېقىنلاشقاندا تۇغۇلۇپ كىشىلەرنى دىندىن ئازدۇرۇپ، ئۆز مەسلىكىگە كىرىشكە دەۋەت قىلىدىغان مەخلۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىنتايىن ئەسكى، ئۆتۈپ كەتكەن يامان ئادەم. ئالدامچى:[مىسال:] كۆيگىنىمنى قىلدى بۇرنۇمدىن بۇلاق، ۋاي ئىسىت، دەججالنى جانان دەپتىمەن.

دەخلى

  • دەخلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئارىلىشىش، مۇناسىۋەت، ئالاقە:[مىسال:] پۇل ۋە مۇھەببەت-بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىگە قىلچە دەخلىسى يوق.[يەشمىسى:] ② توسقۇن، ھالاقەت، كاشىلا، تەسىر:[مىسال:] كۆچەتنى تىككەندىن كېيىن، ئۇنى دەخلىگە ئۇچراتماي پات-پات سۇ قۇيۇپ ئاسراش لازىم.

دەخلى-تەرۇز

  • دەخلى-تەرۇز[يەشمىسى:] توسقۇنلۇق ۋە قارشىلىق، چېقىلىش ۋە تېگىش:[مىسال:] بەزى جايلاردا دەخلى-تەرۇزلەر قاتتىق چەكلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزى دېھقانلار ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتماقتا ۋە ئەندىشىگە چۈشمەكتە.

دەخلىسىز

  • دەخلىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توسقۇنلۇق ۋە دەخلى-تەرۇزدىن خالىي، ھەرقانداق زەرەر ۋە خېيىم-خەتەرلەردىن قوغدىلىدىغان؛ ھىمايە قىلىنىدىغان:[مىسال:] دەخلىسىز ھەرىكەت.

دەخلىسىزلىك

  • دەخلىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەخلىگە ئۇچرىماسلىق:[مىسال:] پۇقرالارنىڭ قانۇندا بەلىگىلەنگەن ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ دەخلىسىزلىكى تولۇق ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك.

دەخمىزە

  • دەخمىزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئارتۇقچە باش ئاغرىقى، تەشۋىش، يۈك، ئېغىرچىلىق، پۇتلىكاشاڭ:[مىسال:] رەشك — ئادەملەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تاشلايدىغان بىرخىل دەخمىزە ۋە مەرەزدۇر.

دەخۋىچى

  • دەخۋىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاغلاقچى، خەۋەرچى، گەپكە ئارىلاشقۇچى.

دەر

  • دەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شارىك، ساقا.

دەرەبزۇن

  • دەرەبزۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دېرىزىگە ياغاچتىن چىقىرىلغان گۈل، نەقىش.

دەرەخ

  • دەرەخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] غولى ئېگىز ۋە يوغان، ئاساسىي غولى بىلەن شاخلىرىنىڭ روشەن پەرقى بولغان، كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.

دەرەخسىز

  • دەرەخسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەرىخى يوق، دەرەخ ئۆسمىگەن:[مىسال:] دەرەخسىز ھويلىغا كىرسەم بېشىمدىن ئاپتاپ ئۆتتى. بويۇڭدىن ئۆرگىلەي يارىم، سنېىڭ قەدرىڭ ماڭا ئۆتتى.

دەرەخلىك

  • دەرەخلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۇرغۇن دەرەخلەر توپ ياكى تۇتاش ئۆسكەن يەر:[مىسال:] شۇ چاغدا يول بويىدىكى دەرەخلىكتىن بىر ئاچ كۆز بۆرە ئېتىلىپ چىقىپتۇ.

دەرەش

  • دەرەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مۆلە، توقۇم، چوم قاتارلىقلارنى تىكىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، يىپنى ئۇچىغا ئىلىپ قويۇپ تارتىدىغان چوڭ بىگىز.

دەرەڭگە

  • دەرەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كالتەك، تاياق، توقماق:[مىسال:] كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قورقماپتۇ، ئەرگە تەگكەن دەرەڭگىدىن قورقماپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېز يۈگۈرۈپ قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تىزىغا تېگىپ تۇرغۇدەك قىلپ، بوينىغا ئېسىپ قويۇلىدىغان كالتەك.[يەشمىسى:] ③ قولغا ئۆگىتىلىدىغان قۇشلارنىڭ ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باشۋېغىغا چىگىپ قويىدىغان ھەم قونداقلىق رولىنى ئوينايدىغان كىچىكرەك كالتەك.

دەربەدەر

  • دەربەدەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يۇرت كېزىپ يۈرىدىغان، سەرسان ۋە سەرگەردان بولغان، ساياق:[مىسال:] دەربەدەر كىشىنىڭ بارمايدىغان يېرى، كىرمەيدىغان تۆشۈكى بولمايدۇ. ∥بۇ ئۆلۈم يالغۇز ئۆلۈم، بارچىگە كەلگەن ئۆلۈم، ھەزرىتى ئادەم ئاتانى دەربەدەر قىلغان ئۆلۈم.

دەربەست

  • دەربەست[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تەڭ، بىللە، باراۋەر:[مىسال:] ئېرپان بىلەن لۇتپۇللا مەغرۇر ۋە دەربەست قەدەم تاشلاپ، ھېيتگاھنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكى بىر بوشلۇققا بېرىپ توختىدى.

دەرپەردە

  • دەرپەردە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىشىك، دېرىزىلەرنىڭ پەردىسى ياكى ئۆينىڭ مەلۇم بۆلىكىنى ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە.

دەرد

  • دەرد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كېسەللىك ئازابى، ئاغرىق:[مىسال:] دەرد قىلماق. دەردكە چېلىقماق. * يۈز پىچاقنىڭ دەردىنى بىر پىچاقچە كۆرمىدىم، مىڭدىن بىرنى ئاشىق ئەتتىم، بىرسېنىڭدەك كۆرمىدىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] روھىي ئازاب، ئەلەم، غەم-ئەندىشە، ھەسرەت-نادامەت:[مىسال:] چوڭقۇر دەرد. ئىشىق دەردى. ھىجران دەردى. * دەردى يوققا ۋاي چىشىم دېمە (ماقال). * ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزى ئۈچۈن تۆگىدىن يوغان (ماقال).[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئېھتىياجلىق نەرسىنىڭ كەملىكى، يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان غەم-غۇسسە، باش قېتىمچىلىقى:[مىسال:] سىلى ئەر، مەن خوتۇن، شۇنداق بولغانلىقتىن، ئۆيدە نېمە يوق بولسا، شۇنىڭ دەردى سىلىگىمۇ، ماڭىمۇ تەڭ ئەمەسمۇ

دەردىگە دەرمان بولماق

  • دەردىگە دەرمان بولماق[يەشمىسى:] ئاغرىق، مۈشكۈلات ۋە باشقا ھەرخىل روھىي ئازابلارنى يەڭگىللىتىشكە مەدەت ۋە ياردەمدە بولماق:[مىسال:] سەن دوختۇرغۇ، ئۇنداق بولغاندىكىن خەق بىلەن ئۇرۇشماسلىقىڭ، يارىدارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشۇڭ لازىم.

دەرد-ئەلەم

  • دەرد-ئەلەم[يەشمىسى:] دەرد، ئەلەم ۋە شۇ خىلدىكى روھىي ئازابلار:[مىسال:] قىز گويا ھەممە دەرد-ئەلىمىنى كۆز ياشلىرى بىلەنلا چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك ئېزىلىپ يىغلىماقتا ئىدى.

دەرد-ئەھۋال

  • دەرد-ئەھۋال[يەشمىسى:] يولۇققان دەرد ۋە ھال-ئەھۋال:[مىسال:] كەڭ خەلق ئاممىسىمۇ پەرزەنت ئەسكەرلەرنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلەيدىغان، ئىشىنىدىغان، دەرد-ئەھۋالىغا يېتىدىغان بولدى.

دەرد-پىراق

  • دەرد-پىراق[يەشمىسى:] ئايرىلىش، ھىجراننىڭ روھىي ئازابلىرى، ئايرىلىش دەردى:[مىسال:] كېتىمەن شول ئايگۈلۈمنىڭ قاشىغا، ئاپتاپ چاقسا سايە بولاي باشىغا. بولاي دەيمەن ئايگۈلۈمنىڭ ياغلىقى، دەرد-پىراقتا كۆزدىن ئاققان ياشىغا.

دەرد-پىغان

  • دەرد-پىغان[يەشمىسى:] خىلمۇخىل روھىي ئازاب ۋە بۇنىڭدىن ئىپادىلەنگەن داد-پەرياد، نالە، دەرد ۋە پىغان:[مىسال:] چال دوستۇم، دۇتارىڭنى، چال مۇقامغا، ئاڭلىسۇن مەشرەپ، ناۋايى، ھۇۋەيدا، تىڭشىسام شۇ قىز تارتقان دەرد-پىغاننى، سەنەم، زۆھرە كۆز ئالدىمدا بولۇر پەيدا.

دەردداش

  • دەردداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىپ ئۇنىڭ غېمىنى يېگۈچى، ھەمدەرد:[مىسال:] تالىپ ئاشۇ كۈنلەردە مېنى تاشلىماي، مۇڭ-زارىمغا يەتكەن بىردىنبىر دەرددېشىم بولۇپ ئۆتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② بىركىم بىلەن دەردنى تەڭ تارتقان، ئۇنىڭ بىلەن دەردى ئوخشاش كىشى:[مىسال:] جەم بوپتۇ مېھرىبان يۇرتداشلىرىم، ئاھ، ئەزىز يولداشلىرىم، دەردداشلىرىم.

دەردسىز

  • دەردسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دەردى يوق، دەرد-ئەلەم چەكمىگەن.[يەشمىسى:] ② دەرد-ئەلەم ئىپادىلەنمەيدىغان، مۇڭسىز.[يەشمىسى:] ③ دەرد-ئەلەم چەكمەي، دەردكە مۇپتىلا بولماي ئۆتكەن:[مىسال:] دەردسىز تۇرمۇش.

دەردلەشمەك

  • دەردلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆزئارا بىر-بىرىگە دەردلىرىنى تۆكۈشمەك، دەرد ئېيتىشماق:[مىسال:] قاسىم ۋە مەن ئىككىمىز بىر كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ئېيتىشىپ دەردلەشكەچ ئۆتكۈزدۇق.[يەشمىسى:] ② دەردلىك ھالەتكە كەلمەك، دەردكە تولماق:[مىسال:] بۇ پىتنىلەرنى ۋە بولمىغۇر سۆزلەرنى ئاڭلاپ يۈرىكىم تېخىمۇ دەردلىشىپ، ئۆرتىنىپ كۆزۈمدىن ئۇيقۇمۇ قاچتى.

دەردلىك

  • دەردلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دەردى بار، دەرد-ئەلەم چەككەن:[مىسال:] مېھرىبانىم ئانا غەم-قايغۇلار ئىچىدە قالغان دەردلىك ئوغلۇڭ روزىدىن سالام.[يەشمىسى:] ② دەرد-ئەلەمنى ئىپادىلەيدىغان، مۇڭلۇق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دەردلىك كۆز يېشىنى يات ئادەملەر تۇرماق، يۈرەك-باغرىنى يېرىپ چىققان ئارزۇلۇق قىزى زەينەپتىنمۇ يوشۇراتتى. ∥ئاھ دەپ ئويغىنىپ كەتتىم، دەردلىك تولغىنىپ كەتتىم. باغۋەن قىز، قاچان دەيمەن مۇرادىمغا مەن يەتتىم[يەشمىسى:] ③ دەرد-ئەلەم چېكىپ، دەردكە تولۇپ ئۆتكەن:[مىسال:] نەزەر سېلىپ ئۇزاققا ھېكايەمنى باشلىدىم. ئەسكە چۈشۈپ دەردلىك كۈن، كۆزلىرىمنى ياشلىدىم.

دەردمەن

  • دەردمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دەردى بار، دەرد-ئەلەم چەككەن، دەردلىك:[مىسال:] دەردمەن قىزنىڭ بۇ بۇلاقتا پۈتكەچ ئارامى، شۇ قىسمەتتىن «دەردمەن بۇلاق» بولغانىدى نامى. ∥نېچۈك داۋا بولمايدۇ دەردكە نېچۈن دەردمەن داۋا كۈتمەيدۇ دەردكە

دەردمەنلىك

  • دەردمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەردلىك ھالەت:[مىسال:] ساۋۇر ئاكام ئۆتمۈشتىكى دەردمەنلىكىنى ئېچىنىشلىق قىلىپ سۆزلىدى.

دەرد-ھەسرەت

  • دەرد-ھەسرەت[يەشمىسى:] دەرد ۋە ھەسرەت:[مىسال:] ئۇ نومۇس ئازابى ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى.

دەردۇئەلەم

  • دەردۇئەلەم[يەشمىسى:] دەرد ۋە ئەلەم.

دەردۇبالا

  • دەردۇبالا[يەشمىسى:] دەرد ۋە بالا؛ خىلمۇخىل روھىي ئازاب ۋە جاپا-مۇشەققەت:[مىسال:] زاماننىڭ دەردۇ بالاسىدىن ساقايماس كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغان خەستە دىللار داۋالىنىپ ئەسلىگە كەلدى.

دەردىسەر

  • دەردىسەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باش ئاغرىقى، باش ئاغرىيدىغان ئىش، ئارتۇقچە تەشۋىش:[مىسال:] مۇنداق ئوينى ئويلىماق بىردەردىسەر، ئەمما مەندە بۇنداق ئويدىن يوق ئەسەر. ∥مۇشۇ دەردىسەر قىچىنى يىغىۋېلىشتىن مىڭ مەرتىۋە كەچسەم نېمە بولىدۇ.

دەررە

  • دەررە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئۆچ-تۆت قەۋەتلىك چەم ئارىسىغا قۇم ئېلىپ تىكىلگەن ياغاچ ساپلىق پالاق. ئۆتمۈشتىكى مەھكىمە شەرئىنىڭ ئەدەپلەش ۋە جازا قوراللىرىدىن بىرى.

دەررۇ

  • دەررۇ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەي، تېزلىك بىلەن، دەرھال:[مىسال:] بوۋايغا رەھمەت ئېيتىشىپ يىگىت-قىز دەررۇ تارقالدى.

دەررىلەتمەك

  • دەررىلەتمەك[يەشمىسى:] «دەررىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەممەت بەگ قازىنىڭ يېنىغا بېرىپ ياقۇپنى دەررىلەتمەكچى بولدى.

دەررىلەنمەك

  • دەررىلەنمەك[يەشمىسى:] «دەررىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ھاياسىزلارنىڭ ئەركەكلىرى 30، ئاياللىرى 20 دىن دەررىلەنسۇن

دەررىلىمەك

  • دەررىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەررە بىلەن ئۇرماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ قازى ھېلىقى زىناخورنى 40 نى دەررىلەشكە بۇيرۇپتۇ.

دەرس

  • دەرس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەكتەپلەردىكى ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ياكى ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلات، پائالىيەت:[مىسال:] ھەممە ئوقۇغۇچى دەرسكە تولۇق قاتناشتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان پەن:[مىسال:] بىرىنچى سائەتتىكى دەرسىمىز ئالگېبرا، لېكىن دەرس ئوقۇتقۇچىسى كېسەل.[يەشمىسى:] ③ ئوقۇتۇش ماتېرىيالنىڭ بىر بۆلىكى:[مىسال:] «ئەرەب تىلىدىن ئاساس» نىڭ بىرىنچى قىسمى 25 دەرستىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1 6 دەرسكىچە نۇقتىلىق فونېتىكىلىق بىلىملەر تونۇشتۇرۇلغان.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەجرىبىلەر، ئوڭۇشسىزلىقلاردىن يەكۈنلەنگەن نەتىجە، ساۋاق، ئىبرەت:[مىسال:] يۇقىرىقى ئېيتىلغان گەپلەر ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق ئەمەلىي دەرس بولدى.

دەرسخانا

  • دەرسخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] دەرس ئۆتىدىغان ئۆي، سىنىپ:[مىسال:] باتۇر بىردەم مەدرىسە ئىچىنى ئايلانغاندىن كېيىن، ئاستا دەرسخانىغا كىرىپ ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇردى.

دەرسلىك

  • دەرسلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] پەننىڭ بىرەر ساھەسى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆگىنىشى ۋە دەرس تەكرارلىشى ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن كىتاب. ئادەتتە ئۇ ئوقۇتۇش پروگراممىسى بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلىدۇ:[مىسال:] باشلانغۇچ مەكتەپ دەسلىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەرس قىلىپ ئۆتۈشكە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان، دەرس قىلىپ ئۆتۈلىدىغان:[مىسال:] دەرسلىك كىتاب. دەرسلىك ماتېرىيال.

دەرغەزەپ

  • دەرغەزەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاتتىق غەزەپ:[مىسال:] قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل، بەرمەيمەن دېدىم، بەرمەيمەن دەپ ئۆچكىگە تېخىمۇ مەھكەم يېپىشتى سادىرقۇل دەرغەزەپتە.

دەرقەم

  • دەرقەم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] روبىرو، بىريەردە، كۆز ئالدىدا:[مىسال:] دەرقەم تۇرماق. دەرقەم قىلماق.

دەرقەمتە

  • دەرقەمتە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆزئارا بىريەرگە جەم، تەخ بولۇپ، بىرلىكتە:[مىسال:] ئەتىگەنلىك چاينى ئۇلار پېشايۋان سۇپىسىدا دەرقەمتە ئولتۇرۇپ ئىچىشتى.

دەركار

  • دەركار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كېرەك، لازىم:[مىسال:] بىرمۇ جاۋاب بەرمىدىڭ، ئەۋەتكەن شۇنچە خەتكە. ھېچ نەرسە دەركار ئەمەس، سەن ئۈچۈن تارتقان دەردكە.

دەرگاھ

  • دەرگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تۇرار جاي:[مىسال:] غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئارقار يولۋاسنىڭ دەرگاھىدىن چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئىشىك ئالدى؛ ھۇزۇر:[مىسال:] مەن يولۋاس، تېخىچە ھاياتمەن، مېنى سىزنىڭ ئىشقىڭىز شامىلى يەنە دەرگاھىڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەلدى.

دەرگۇمان

  • دەرگۇمان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گۇمانلىنىپ، گۇمان، شۈبھە بىلەن:[مىسال:] مەن بۇنىڭغا تازا ئىشىنەلمەي، دەرگۇمان تۇرۇۋاتىمەن.

دەرگۇماندا

  • دەرگۇماندا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىككىلەنگەن ھالدا، گۇمانلىنىپ:[مىسال:] ئابابەكرى دەرگۇماندا بولغاندەك، سابىرغا قاراپ قويدى.

دەرگۇمانلىق

  • دەرگۇمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككىلەنگەن، گۇمان قىلىپ تۇرغان ھالەت:[مىسال:] نەسرەم بىرئاز سەگەكلەشتى، چۈنكى، ئالدىدا تۇرغان بۇ نىقابلىق مەخلۇقنىڭ خىڭىلداپ گەپ قىلىشلىرى ئۇنىڭغا قانداقتۇر تونۇش بىركىمنى ئەسلەتكەنىدى. نەسرەم دەرگۇمانلىقتا ۋارقىرىدى.

دەرمان

  • دەرمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ماغدۇر، مادار، كۈچ:[مىسال:] ھەسەن دولانمۇ ئۇلارنى كۆرۈپ، بېشىنى ياستۇقتىن كۆتۈرمەكچى بولدى يۇ، دەرمانى يەتمىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەدەت، ياردەم:[مىسال:] قىپقىزىل تاڭنىڭ نۇرىغا چۆمگىنىمدە ياشىرىپ، كۈچكە تولدۇم ياش يىگىتتەك ئاشۇ نۇر دەرمان بولۇپ.[يەشمىسى:] ③ چارە، ئىلاج، داۋا:[مىسال:] ئۇ ئەمدى مەنمۇ ئاپامنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشۇم كېرەك، يەنىلا قىڭغىر يولدا مېڭىۋەرسەم بولمايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ.

دەرمانسىز

  • دەرمانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەرمانى، ماجالى، ماغدۇرى، كۈچ-قۇۋۋىتى يوق، زەئىپ:[مىسال:] سادىق دەرمانسىز قوللىرى بىلەن كونۋېرتنى تۇتۇپ ئۇنىڭدىكى ئادرېسقا ئاستا قاراپ چىقتى. ∥ئۇ پەقەت مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈمسىرەيتتى ۋە بىرئاز دۇدۇقلاپ دەرمانسىز جاۋاب بېرەتتى.

دەرمانسىزلاشماق

  • دەرمانسىزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەرمانى، كۈچ-قۇۋۋىتى كېتىپ بوشاشماق؛ زەئىپلەشمەك:[مىسال:] ئۇ ئۆز بەدىنىنىڭ بوشاپ، پۇت-قوللىرىنىڭ پۈتۈنلەي دەرمانسىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

دەرمانسىزلاندۇرماق

  • دەرمانسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «دەرمانسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دەرمانسىزلانماق

  • دەرمانسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مادارى، كۈچ-قۇۋۋىتى كېتىپ ئاجىزلاشماق؛ ماغدۇرىسىزلانماق، كۈچسىزلەنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى. پۇت-قوللىرى دەرمانسىزلاندى.

دەرمانسىزلىق

  • دەرمانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرمان، كۈچ-قۇۋۋەت يوق ھالەت:[مىسال:] سادىقنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مىسلىسىز دەرمانسىزلىقنى ياشلىق كۈچى ۋە ئۈمىدۋار ئىرادە ئاخىرى يەڭدى.

دەرمانلانماق

  • دەرمانلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋەت يىغماق، روھى كۆتۈرۈلمەك، روھلانماق:[مىسال:] مەدەت، مەسلىھەتلەردىن دەرمانلانغان قىز سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەشكە باشلىدى.

دەرمەھەل

  • دەرمەھەل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «دەمال»غا قاراڭ:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بۇنچە خۇش پېئىل مۇئامىلىسىدىن خىجىل بولۇپ، دەرمەھەل گەپ قىلالماي قالدىم

دەرمەھەللىككە

  • دەرمەھەللىككە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «دەماللىققا»غا قاراڭ:[مىسال:] شەۋكەت ئۇنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى دەرمەھەللىككە چۈشىنەلمىدى.

دەرھال

  • دەرھال[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، كېچىكتۈرمەي، تېزدىن:[مىسال:] ئۇ ئاۋازىنىڭ بۆلەكچە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى ۋە دەرھال يەرگە قارىۋالدى.

دەرھەقىقەت

  • دەرھەقىقەت[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەقىقەتەن، راستتىن، راستىنى ئېيتقاندا:[مىسال:] دەرھەقىقەت بۇ يىل بۇغداي بالدۇر پىشىپ، قوناقلار ۋاقتىدا تېرىلدى.

دەرۋازا

  • دەرۋازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھويلا، قورغان، قەلئە، زاۋۇت ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئورنىتىلىدىغان سىرتقى چوڭ ئىشىك:[مىسال:] ياغاچ دەرۋازا. تۆمۈر دەرۋازا.

دەرۋازىلىق

  • دەرۋازىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دەرۋازىسى بار، دەرۋازا ئورنىتىلغان:[مىسال:] تۆمۈر دەرۋازىلىق ھويلا.[يەشمىسى:] ② دەرۋازا قىلىشقا يېتەرلىك، دەرۋازا ياساشقا يەتكۈدەك:[مىسال:] بىر دەرۋازىلىق ياغاچ.

دەرۋازىۋەن

  • دەرۋازىۋەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دەرۋازىغا قارىغۇچى كىشى. دەرۋازا ساقچىسى:[مىسال:] شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا بايراق كۆتۈرگەن دەرۋازىۋەن تۇراتتى.

دەرۋازىۋەنلىك

  • دەرۋازىۋەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرۋازىنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭغا قاراش ئىشى:[مىسال:] دەرۋازىۋەن ھېلىقى كەمپىرنى دەرۋازىدىن كىرگۈزۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پادىشاھ ئۇنى دەرۋازىۋەنلىكتىن ئېلىپ تاشلىدى.

دەرۋەقە

  • دەرۋەقە[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەقىقەتەن، راستتىنلا، دېگەندەك:[مىسال:] سىلى بۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن ئويلاپ باقسام دەرۋەقە شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ. * دەرۋەقە، سېلىم ئاكا ئۇنچىۋالا ياش ئەمەس ئىدى.

دەرۋەڭ

  • دەرۋەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىشىك.

دەرۋىش

  • دەرۋىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مال-دۇنيادىن كېچىپ خۇداگۇيلۇق بىلەن خانىقا ياكى مەلۇم بىر ئىبادەت ئورنىدا ئىستىقامەت بىلەن ياشىغۇچى كىشى، سوپى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەركىدۇنيا بولۇپ يۇرت كەزگۈچى، جاھانگەشتى:[مىسال:] شاھىزامان قايتىدىن دەرۋىش بولۇپ، شاھلىقتىن ۋاز كېچىپ، چۆل-باياۋانغا چىقىپ كېتىپتۇ.

دەرۋىشلەرچە

  • دەرۋىشلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دەرۋىشلەرگە خاس بولغان، دەرۋىشلەرگە ئوخشاش:[مىسال:] دەرۋىشلەرچە تۇرمۇش كەچۈرمەك.

دەرۋىشلىك

  • دەرۋىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرۋىشلەرگە خاس، دەرۋىشلەرگە ئوخشاش ھەرىكەت، ئىش:[مىسال:] ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنىغا ساخاۋەت ۋە تىلەمچىلىكنى، بويتاقلىق ۋە تەركىدۇنياچىلىقنى، دەرۋىشلىك ۋە ئىبادەتگۇيلۇقنى قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ئەمەسمۇ

دەرىجە

  • دەرىجە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنسەپ، مەرتىۋە، ئورۇن:[مىسال:] مەن سېنى بۇ دەرىجىگە كۆتۈرۈشۈمدىن مەقسەت باشقىچە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ مەلۇم بىر جەھەتتە ئاز-كۆپلۈك، يۇقىرى-تۆۋەنلىك ياكى سۈپەت جەھەتتە تۇتقان ئورنى، چېكى:[مىسال:] دەرىجىگە بۆلمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرەققىي قىلىش، راۋاجلىنىش پەللىسى؛ سەۋىيە:[مىسال:] مەلۇمات دەرىجىسى. * ئىشنىڭ مۇشۇ دەرىجىگە بېرىپ يېتىشىنى كىم بىلسۇن[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىدىكى مەلۇم تەرتىپتە ئۆرلەپ ماڭىدىغان ھەربىر باسقۇچ:[مىسال:] بۇ يىل ئۇنىڭ مائاشى بىر دەرىجە ئۆستى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بەلگە، خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ئارتۇق-كەملىكىنى، ھەرىكەتنىڭ گرامماتىكىلىق ئىگە بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلىگۈچى گرامماتىلىق فورما، كاتېگورىيە:[مىسال:] سۈپەت دەرىجىلىرى. پېئىل دەرىجىلىرى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر سانىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بىرقانچە قېتىم كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان شەكىل. مەسىلەن: Tنىڭ N نىنچى دەرىجىسى Tn بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم تەرتىپتە تىزىلغان:[مىسال:] دەرىجە سان.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوقۇق دائىرىسى بويىچە چوڭ-كىچىكلىك تەرتىپىگە ئىگە جەمئىيەتتىكى ھەربىر ئورگان:[مىسال:] دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلماق.

دەرىجە سان

  • دەرىجە سان[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان «بىرىنچى، بەشىنچى، ئونىنچى» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر.

دەرىجىلىك

  • دەرىجىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم دەرىجىگە ئىگە بولغان، ئېرىشكەن؛ مەلۇم دەرىجىگە توشىدىغان:[مىسال:] بۇ ئالىي دەرىجىلىك چەينەكنى شاڭخەيدىن ئالدۇرغانسىز-ھە

دەرىجىمۇدەرىجە

  • دەرىجىمۇدەرىجە[يەشمىسى:] بىر دەرىجىدىن يەنە بىر دەرىجىگە، تەدرىجىي:[مىسال:] ئۇ بىراقلا نازىر بولغان ئەمەس، بەلكى دەرىجىمۇدەرىجە كۆتۈرۈلۈپ نازىر بولغان.

دەرىخ

  • دەرىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەپسۇس، ئىسىت، پۇشايمان:[مىسال:] يانۋارنىڭ سەككىزى چۈشتى تولۇق، ھەر يىلى كەلسە ئاشۇ كۈن، ئاھ دەرىخ بىر ئۇلۇغ چىقمايدۇ ئەستىن، بىر بۇزۇق.

دەرىخا

  • دەرىخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەي ئىسىت، ئەپسۇس:[مىسال:] دەرىخا، ئايرىلار بولدۇم مانا مەن ئەمدى يارىمدىن، مۇھەببەت دەشتىدە يۈرگەن دەردمەن يار زارىمدىن.

دەريا

  • دەريا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ۋادا سىرغىمىسىدىن مەركەزلىشىپ قۇيۇلۇش جايىغا ئېقىپ تۇرىدىغان تەبىئىي چوڭ سۇ ئېقىنى:[مىسال:] دەريا بويىغا چىقسا، ئۇزۇن ساينىڭ قاراسى، نەدىنمۇ تېپىلاركىن، بۇ دەردىمنىڭ داۋاسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەڭ، بەئەينى دەريادەك چوڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ قورسىقى دەريا، ئۇ بىرەر كىمگىمۇ يامانلىقنى ئويلىمايدۇ.

دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي ياندۇرۇپ كەلمەك

  • دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي ياندۇرۇپ كەلمەك[يەشمىسى:] مەنپەئەتنى كۆرسىتىپ قويۇپ، مەنپەئەتنى يەتكۈزمەسلىك:[مىسال:] ياسىن، سەن ئۇنىڭ بىلەن ئېلىش-بېرىش قىلما، ئۇ سېنى دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي ياندۇرۇپ كېلىدىغان ئادەم.

دەريادىن بىرتامچە

  • دەريادىن بىرتامچە[يەشمىسى:] ساناقسىز كۆپ نەرسىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىرقىسمى؛ ناھايىتى ئاز:[مىسال:] بۈگۈن يولداشلارنىڭ نەتىجىلىرىمىز ھەققىدە سۆزلىگەنلىرى دەريادىن بىرتامچە، يەنە بىرقانچە كۈن سۆزلىسەكمۇ تۈگىمەيدۇ.

دەريا-دەريا

  • دەريا-دەريا[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، ھەددى-ھېسابسىز:[مىسال:] قاتتىق ئۇرۇشتا قانلار دەيا-دەريا ئېقىپتۇ، باشلار تاغدەك-تاغدەك دۆۋىلىنىپتۇ.

دەريالاپ

  • دەريالاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دەريا ھاسىل قىلىپ، دەرياغا تولدۇرۇپ؛ ناھايىتى كۆپ:[مىسال:] ئۇلار ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن دەريالاپ قانلىرىنى تۆككەنىدى.

دەريايى

  • دەريايى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سەيناق يىپتىن توقۇلغان رەخت.

دەز

  • دەز[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېرىلغان، چاك ھاسىل بولغان:[مىسال:] دەز تام. دەز چىنە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېرىلغان، چاك كەتكەن جاي، يېرىق سىزىق:[مىسال:] تامدا پەيدا بولغان دەز بارغانچە يوغىناپ كېتىۋاتىدۇ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاغ جىنسلىرىنىڭ قېتىشىشى ياكى سۇدىن ئاجراش ۋاقتىدا ھەجمى كىچىكلەش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن ياكى تاغ جىنسلىرى كۈچىنىشكە ئۇچراپ شەكىللەنگەن چاك.

دەز كەتمەك

  • دەز كەتمەك[يەشمىسى:] ① دەز، چاك، يېرىق پەيدا بولماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئايالىمغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ دەز كەتكەن پىيالىدا چاي قۇيغىنى ئاز كەلگەندەك، ياغسىز ھالۋا بىلەن مېھمان قىلماقچى بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساسىغا يامان تەسىر يەتمەك، بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ يامان تەسىرىگە يولۇقماق:[مىسال:] ئۆز سەلتەنىتىگە دەز كېتىدىغان بۇ ئىشلاردىن پادىشاھ خەۋەرسىز ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا دېيىلگەن گەپنى ئۆزىگە ئېلىپ كەتمەك:[مىسال:] تۇمشۇقلىرىڭ سوزۇلۇپ كەتتىغۇ سېنىڭ، دەز كېتىپ قالدىمۇ نېمە.

دەزگىل

  • دەزگىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] موزدۇزچىلىقتا تىكىلىدىغان كۆن-خۇرۇم قاتارلىقلارنى قويۇپ ئۈستىدىن باستۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان تاسما.

دەزمال

  • دەزمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىچىگە چوغ سېلىپ ياكى توك ىبلەن قىزىتىلىدىغان تۇتقۇچلۇق، كىيىم ۋە رەختلەرنىڭ پۇرلەشكەن جايلىرىنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىچىلىق ئەسۋابى:[مىسال:] نۇرنىسا دەرھال بۇرۇلدى-دە، دەزمالنىڭ ئاستىدىن چىقىۋاتقان ئىسقا كۆزى چۈشتى.[يەشمىسى:] ② كىيىم-كېچەك، رەختلەرگە دەزمال سېلىپ تۈز، سىلىق قىلىنغان ھالەت:[مىسال:] تۇرسۇننىڭ ئەتىگەن دەزماللىغان كۆڭلىكىنىڭ چۈشكە قالماي دەزمىلى كەتتى.

دەزمالچى

  • دەزمالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇيۇش، تىكىش ئورۇنلىرىدا دەزمال سېلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

دەزماللاتماق

  • دەزماللاتماق[يەشمىسى:] «دەزماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاسىم پۈتكەن كىيىملەرنى كىيىپ كۆرۈپ، شىمىنى قايتا دەزماللىتىپ قىرلىرىنى چىقارغۇزدى.

دەزماللاشماق

  • دەزماللاشماق[يەشمىسى:] ① «دەزماللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار كىيىملىرىنى دەزماللىشىپ ئويۇن مەيدانىغا مېڭىش تەييارلىقىنى قىلىشىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② دەزمال سېلىشقا ياردەملەشمەك:[مىسال:] قىز ئوقۇغۇچىلار ئۇلارغا كىيىملەرنى دەزماللىشىپ بەردى.

دەزماللاقلىق

  • دەزماللاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەزماللانغان، دەزمال سېلىپ تەييارلانغان:[مىسال:] دەزماللاقلىق پەلتۇ.

دەزماللانماق

  • دەزماللانماق[يەشمىسى:] «دەزماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ قولىدىكى تور سومكىدا دەزماللانغان ئاپئاق خالات بىلەن ئاق خەسە بۆك كۆزگە چۈشۈپ تۇراتتى.

دەزماللىماق

  • دەزماللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەزمال بىلەن بېسىپ پۈرلەشكەن جاينى سىلىقلىماق، دەزمال سالماق:[مىسال:] نۇرنىسا كىيىم-كېچەكلەرنى ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يۇيۇپ دەزماللىدى.

دەس

  • دەس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۈچ بىلەن، [مىسال:] زور بىلەن:[مىسال:] دەس كۆتۈرمەك.

دەست

  • دەست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قول، كىپت:[مىسال:] بىراق ھېچ ئىشنى دەستىمگە ئالالمىدىم.

دەستار

  • دەستار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «سەللە»گە قاراڭ:[مىسال:] موللىنى نەدىن بىلۇرسىز، دەستارىدا قەلىمى. بىۋاپانىڭ دەردى يامان، تۈگىمەيدۇ ئەلىمى.

دەستارگۈل

  • دەستارگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دەستار+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، پاكار ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا ئومۇميۈلۈك تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ.

دەستەⅠ

  • دەستەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھەرخىل ئەسۋابلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان قىسمى؛ ساپ:[مىسال:] كەتمەن دەستىسى. قامچا دەستىسى. پىچاق دەستىسى.[يەشمىسى:] ② دۇتار، راۋاب، ساتار قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تار ياكى سىم تارتىلغان، پەدە باغلىنىدىغان قىسمى.[يەشمىسى:] ③ قول-پۇت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان يەرلىك توقۇمىچىلىق دۇكىنىنىڭ تىغ ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسمى.

دەستەⅡ

  • دەستەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىر تۇتام قىلىپ تېرىلگەن ياكى تىزىلغان باغ؛ باغلام:[مىسال:] كابىنكىغا قىزىل بايراق قادىغان، كابىنكىنىڭ سىرتى ۋە تراكتورنىڭ تومشۇقىغا ئېتىز گۈللىرىدىن چىرايلىق دەستىلەر قىستۇرۇلغان.[يەشمىسى:] ② ئۈستمۇئۈست قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەرسە:[مىسال:] يول بويىدا نەچچە ئون قەۋەت، خىش-كېسەك دەستىسى پەيدا بولدى. ∥ ئۇ ئۆيگە كىرىپ دەرھال ئارقا-ئارقىدىن ئىككى دەستە كىتابنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

دەستە-دەستە

  • دەستە-دەستە[يەشمىسى:] بىرنەچچە باغ؛ بىرنەچچە دەستە، بىرنەچچە تىزىق:[مىسال:] شىرە ئۈستىدە دەستە دەستە نان-توقاچلار تۇراتتى.

دەستەكⅠ

  • دەستەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تۇتقۇچ، ساپ، دەستە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قولدا ئاساس بولىدىغان دەلىل، سەۋەب، ۋاسىتە؛ باھانە:[مىسال:] بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر دەستۇردىن دەستەك تېپىش ھاجەت ئەمەس.[يەشمىسى:] ③ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان ياكى ئاساس قىلىپ ساقلايدىغان ھۆججەت، يارلىق، بۇيرۇق:[مىسال:] خان ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن ئەسكەر يۆتكەش دەستىكى تەقدىم قىلغان.

دەستەكⅡ

  • دەستەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان، باشلىققا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى:[مىسال:] دەستەك تىكمەك.

دەستەكچى

  • دەستەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] دەستەكنى يەتكۈزگۈچى كىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا ھامىيلاشقۇچى، باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان كىشى:[مىسال:] ياسىن ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن ئۆتكەنكى يىغىندا قاسىم تۆگىنىڭ دەستەكچىسى ئىكەنلىكىنى چاندۇرمىدى.

دەستەكچىلىك

  • دەستەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالاقچىلىق، كۆتۈرمىچىلىك:[مىسال:] «خەققە دەستەكچىلىك قىلىپ قانچىلىك نەپ ئالارسەن، بەرىبىر يامان نام چىقارغىنىڭ قالىدۇ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

دەستىگاھ

  • دەستىگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ توقۇش دۈكىنى:[مىسال:] دادام پەنجىنى دەستگاھنىڭ ئۈستىگە تاشلىمىغۇچە ھېچقايسىمىز كىرپىك يۇممايمىز.

دەستىگاھلىق

  • دەستىگاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەستىگاھ بىلەن توقۇش كەسپى.

دەستۇر

  • دەستۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىش-ھەرىكەت ئۈچۈن قوللانما، نىزام، كىتاب؛ قائىدە-قانۇنلار توپلىمى:[مىسال:] پۈتۈلگەن دەستۇرنى ئاۋايلاپ ئاچتىم.[يەشمىسى:] ② تېبابەت رېتسېىپلىرى مەجمۇئەسى:[مىسال:] سامساق مەن ئۆگەنگەن دەستۇرلاردا قورساق ساھىلىگە مۇناسىپ دورىلاردىن بىرى.

دەستىدە

  • دەستىدە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] تۈپەيلى، سەۋەبىدىن (يەتكۈزگەن ئېغىرچىلىقى، مۇشەققىتى، زىيىنى ھەققىدە):[مىسال:] ئامبال ئالدىدا دايى كەينىدە، مەن قانداق قىلاي زۇلۇم دەستىدە.

دەستىدىن

  • دەستىدىن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] سەۋەبىدىن، تۈپەيلىدىن:[مىسال:] مەلىكە بىلەن ئىنىكئانا دەشتۇباياۋاندا دەھشەتلىك ئىسسىق دەستىدىن قىينالدى.

دەستىلەتمەك

  • دەستىلەتمەك[يەشمىسى:] «دەستىلىمەكⅠ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن كەتمىنىمنى دەستىلىتىپ تەييارلاندىم.

دەستىلەشمەكⅠ

  • دەستىلەشمەكⅠ[يەشمىسى:] «دەستىلىشمەكⅠ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دېھقانلار كەتمەن-جوتۇلىرىنى دەستىلىشىپ، ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى تەييارلاپ سۇ قۇرۇلۇشىغا مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىۋاتاتتى.

دەستىلەشمەكⅡ

  • دەستىلەشمەكⅡ[يەشمىسى:] «دەستىلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئولتۇرۇپ، قىزچاقنى تىزىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ گۈللىرىنى دەستىلىشىپ بەردى.

دەستىلەكلىكⅠ

  • دەستىلەكلىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەستىسى بار، دەستە بېكىتىلگەن:[مىسال:] تام تۈۋىدە دەستىلەكلىك جوتۇلار تۇراتتى.

دەستىلەكلىكⅡ

  • دەستىلەكلىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەستە-دەستە قىلىپ باغلانغان، تىزىلغان:[مىسال:] دەستىلەكلىك گۈللەر.

دەستىلەنمەكⅠ

  • دەستىلەنمەكⅠ[يەشمىسى:] «دەستىلىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دەستىلەنگەن كەتمەن.

دەستىلەنمەكⅡ

  • دەستىلەنمەكⅡ[يەشمىسى:] «دەستىلىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سادىق دەستىلەنگەن ياستۇق ئاستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قېلىن بىر كىتابقا كۆزى چۈشتى.

دەستىلىك

  • دەستىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دەستىسى بار، دەستە ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۆرە دەستىلىك پىچاق. مۈڭگۈز دەستىلىك قامچا.[يەشمىسى:] ② دەستە قىلىشقا بولىدىغان، دەستىگە باب:[مىسال:] مەن ئورمانچىلىق دۈيىدىن تۆت دەستىلىك ئۆرۈك ياغىچى ئەكەلدىم.

دەستىلىمەكⅠ

  • دەستىلىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەستە ئورناتماق، ساپ بېكىتمەك:[مىسال:] كەتمەننى دەستىلىمەك.

دەستىلىمەكⅡ

  • دەستىلىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەستە-دەستە قىلىپ باغلىماق، بىر تۇتام-بىر تۇتامدىن تىزماق:[مىسال:] بۈگۈن مەن سېنى ياد ئېتىپ دوستۇم، سېغىنىپ ئەسلەپ كەلدىم قېشىڭغا، كۆرۈپ قەبرەڭنى خاتىرەم شۇ دەپ، گۈلنى دەستىلەپ قويدۇم بېشىڭغا.[يەشمىسى:] ② ئۈستمۇئۈست، قەۋەت-قەۋەت قىلىپ تىزماق:[مىسال:] ھەمراھ ئىچىلىپ بولغان چىنىلەرنى دەستىلەپ نېرىراق ئىتتىرىپ قويدى.

دەسسەتمەك

  • دەسسەتمەك[يەشمىسى:] «دەسسىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يېڭى ئەسكەرلەرگە قۇرۇق مىلتىقلارنىلا كۆتۈرگۈزۈپ كەچكىچە مەشىققە دەسسىتەتتى.

دەسسەشمەك

  • دەسسەشمەك[يەشمىسى:] «دەسسىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دەسسەلمەك

  • دەسسەلمەك[يەشمىسى:] «دەسسىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاتلار، ئەسكەرلەر ۋە جاسۇسلار ئايىغى ئاستىدا دەسسەلمەكتە ئىدى.د

ى دەزماللىشىپ ئويۇن مەيدانىغا مېڭىش تەييارگكۈزمەي، شاققىدە:

  • ى دەزماللىشىپ ئويۇن مەيدانىغا مېڭىش تەييارگكۈزمەي، شاققىدە:[مىسال:] ئۇ پەرىزاتنىڭ نەشتەردەك ئاچچىق قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئورنىدىن دەسسىدە تۇردى.

دەسسىمەك

  • دەسسىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۈستىگە ئايىغىنى قويۇپ تۇرماق، پۇتى بىلەن باسماق:[مىسال:] ئەسكەرلەر قىرغاققا دەسسىدى.[يەشمىسى:] ② ئاياغ ئاستىغا بېسىپ ئەزمەك، يانجىماق:[مىسال:] ئېرى ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، گۈلئايشەمنىڭ قولىغا قاتتىق دەسسىدى.[يەشمىسى:] ③ قەدەم ئالماق، ماڭماق:[مىسال:] كەتكىن، ئىشىڭ بولمىسا بۇ يەرگە دەسسىمە.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوينىماق، چۈشمەك (ئۇسسۇل، ساما قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئىككى ياش يىگىت بىر-بىرىگە شۇنداق يېقىملىق بېقىشىپ «تاڭ سەيلىسى»گە دەسسەۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىگىلىمەك، ئالماق، باسماق:[مىسال:] ئۇزۇن ئۆتمەي مەن باشقا بۆلۈمگە يۆتكىلىپ، ئورنۇمغا ئاقىل دەسسىدى.

دەسلەپ

  • دەسلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەڭ ئاۋۋال، ئالدى بىلەن، باشتا:[مىسال:] زۇللا خەتنى ئوقۇپ بولۇپ دەسلەپ قاقاقلاپ كۈلدى، كېيىن خۇددى تۇتقاقلىقى تۇتقان ئادەمدەك خەتنى پىرقىرىتىپ تاشلاپ چالۋاقىدى.

دەسلەپتە

  • دەسلەپتە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشتا، ئالدىدا، ھەممىدىن بۇرۇن:[مىسال:] دەسلەپتە ئۇ كەلدى، كېيىن باشقىلار كېلىشتى.

دەسلەپكى

  • دەسلەپكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باشلىنىشتىكى، ئالدىنقى، بىرىنچى، ئاۋۋالقى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، ئىنستىتۇت ھاياتى باشلاندى، دەسلەپكى ئايلار ساۋاقداشلار ئارا تونۇشۇش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② بۇرۇنقى، كونا:[مىسال:] بىز دەسلەپكى ئۆيىمىزدىن كۆچتۇق.

دەسلەپكى قەدەمدە

  • دەسلەپكى قەدەمدە[يەشمىسى:] ① ھەممىنىڭ ئالدىدا، بىرىنچى قېتىم:[مىسال:] بىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە قىلىدىغان ئىشىمىز ئورۇنلىشىش ۋە بۇ يەرنىڭ شارائىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش.[يەشمىسى:] ② ئۈزۈل-كېسىل ئەمەس، بىر قېتىملا:[مىسال:] ناھىيىلىك پارتكوم سىزنىڭ دوكلاتىڭىزنى دەسلەپكى قەدەمدە قاراپ چىقتى.

دەسلىپىدە

  • دەسلىپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «دەسلەپتە»گە قاراڭ:[مىسال:] نۇرغۇن ئۇلۇغ ھەقىقەتلەر ئەڭ دەسلىپىدە شەرەپلىك دەپ تونۇلغانىدى.

دەسمال

  • دەسمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى بولۇپمۇ ئاشخانا سايمانلىرىنى سۈرتىدىغان پارچە رەخت، لۆڭگە.

دەسمالچى

  • دەسمالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داستىخان يىغىش، قولغا سۇ بېرىش ئىشلىرىنى قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] توختى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قازى، ئاقساقاللارنىڭ تاۋىقىنى كۆتۈرۈپ، دەسمالچى بولۇپ يۈرگەنىدى.

دەسماللاتماق

  • دەسماللاتماق[يەشمىسى:] «دەسماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دەسماللاشماق

  • دەسماللاشماق[يەشمىسى:] «دەسماللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دەسماللانماق

  • دەسماللانماق[يەشمىسى:] «دەسماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دەسماللىق

  • دەسماللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەسمال قىلىشقا بولىدىغان:[مىسال:] دەسماللىق رەخت.

دەسماللىماق

  • دەسماللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەسمال بىلەن سۈرتمەك:[مىسال:] ھېلىقى بالا جوزىنى دەسماللاپ چاي ئەكەلدى.

دەسمايە

  • دەسمايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سودا-سېتىق، تىجارەت ھۈنەر-كەسىپ، قىمار قاتارلىقلاردا سېلىنغان ئاساسىي مەبلەغ:[مىسال:] قېنى ئېيتىڭا، سىزنىڭ سودىگەرچىلىك دەسمايىڭىز نەدىن كەلگەن، بۇنىڭ ھېسابى، پايدىسى توغرىسىدا قاچان ئېغىز ئاچىسىز[يەشمىسى:] ② قول ئىلكىدىكى بار نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ دادىسىدىن قالغان دەسمايىنى يەپ تۈگەتكەنلىكى ئۈچۈن تاغار، خۇرجۇن، پالاس دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ توقۇپ كۆردى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئېلىپ بېرىشتا پايدىلىنىدىغان قۇلايلىقلىق، ۋاسىتە:[مىسال:] دەللالنىڭ دەسمايىسى يالغانچىلىق (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۈستۈنلۈك، ئارتۇقچىلىق، بىڭسى:[مىسال:] گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندىمۇ، بىر نەزەر سېلىپ قويغۇچىلىك دەسمايەڭ بولمىغاندىكىن كىمدىن ئاغرىنالايتتىڭ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۆھپە، شان-شەرەپ:[مىسال:] كونا دەسمايىنى يەپ يېتىۋەرمەي، يېڭى خىزمەت كۆرسىتىڭلار.

دەسمايە غالتەككە چىقماق

  • دەسمايە غالتەككە چىقماق[يەشمىسى:] ھەممە نەرسىسى تۈگىمەك:[مىسال:] قاسىم نېمىشقا كېتىدىكەن-نېمىشقا دەمسىز دەسمايىسى غالتەككە چىققان-دە

دەسمايىسىز

  • دەسمايىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەسمايە يوق، دەسمايە سېلىنمىغان، دەسمايە كەتمەيدىغان:[مىسال:] دەسمايىسىز قانداق ئوقەت قىلغىلى بولىدۇ

دەسمايىلىك

  • دەسمايىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەسمايىسى بار، دەسمايە سېلىنغان، دەسمايىغا ئىگە:[مىسال:] دەسمايىلىك ئىش. دەسمايىلىك سودا.

دەشت

  • دەشت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك ئۈنمىگەن، سۇسىز، قاقاس يەر؛ چۆل:[مىسال:] مەختۇمسۇلا شۇ يۈرگىنىچە دەشتلەرنى كېزىپ، تاغلاردىن ئېشىپ، بىر گۈزەل يايلاققا يېتىپ كەپتۇ.

دەشت-باياۋان

  • دەشت-باياۋان[يەشمىسى:] چۆل ۋە باياۋانلار:[مىسال:] شۇ ۋاقىتتا كېيىك شاھنىڭ بېشىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ دەشت-باياۋانغا قاراپ قېچىپتۇ.

دەشت-چۆل

  • دەشت-چۆل[يەشمىسى:] قاقاسلىقلار چۆللۈكلەر:[مىسال:] بىر كۈنى كۆيۈپ تۇرغان كۈن ئىسىقىدا دەشت-چۆلنى كېزىپ، بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ كېتىپ بارسا، يىراقتىن بىر تۈپ چىنار كۆرۈنۈپتۇ.

دەشتۇسەھرا

  • دەشتۇسەھرا[يەشمىسى:] دەشت ۋە سەھرا:[مىسال:] جۇنۇن ئىشقى غالىبلىقتا نومۇس پەردىسىن يىرتار، يېتەكلەر دەشتۇسەھرا تەرەپكە بىئىختىيار تارتار.

دەشنەم

  • دەشنەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] زەردە بىلەن قاتتىق كايىپ ئېيتىلغان سۆز؛ ئاھانەت:[مىسال:] دېمىگىن دۈشمەننىڭ بەتتىسى ياخشى، ئۇنىڭدىن دوستۇڭنىڭ زاغرىسى ياخشى. دۈشمەننىڭ «تاتلىق سۆز»ناز كۈلكىسىدىن، دوستۇڭنىڭ دەشنىمى، تەنىسى ياخشى.

دەقىقە

  • دەقىقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى، مىنۇت:[مىسال:] ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، شەمشىنۇر توققۇز ئاي، توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقە قورساق كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىسقىغىنە ۋاقىت، پەيت:[مىسال:] مۇشۇ قىسقىغىنە دەقىقە ئىچىدە، نېمىشقىدۇر، قەلبىمنىڭ تېگىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان يۈكسەك بىر تۇيغۇنى يوشۇرالمىدىم.

دەقىقىلىك

  • دەقىقىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەقىقە ئىچىدىكى، قىسقىغىنە ۋاقىت:[مىسال:] شۇ تاپتا ئۇلارغا پۈتۈن ئۆمرىدە كۆرگەن راھەت-پاراغىتى مانا شۇ دەقىقىلىك جاپا-مۇشەققەتكە تەڭ كەلمەيدىغاندەك بىلىندى.

دەقيانۇس

  • دەقيانۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى دىئاكلاتىئون (313 245) نىڭ نامى.

دەقيانۇستىن بېرى

  • دەقيانۇستىن بېرى[يەشمىسى:] ئىنتايىن قەدىمكى، ناھايىتى بۇرۇنقى ۋاقىتتىن بېرى:[مىسال:] توي كۈنى قىز كۆچۈرگەندە يولنى توسۇپ ياكى ئوغۇلنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ توي ئىگىلىرىدىن بىرنەرسە تەلەپ قىلىش دەقيانۇستىن بېرى كېلىۋاتقان ئادەت.

دەقيانۇستىن قالغان

  • دەقيانۇستىن قالغان[يەشمىسى:] ناھايىتى قەدىمدىن، ئەلمىساقتىن قالغان، ناھايىتى كونا، بەك قەدىمكى:[مىسال:] توختى ئىسىملىكنى توختىمىغان سۇغا بېسىش دەقيانۇستىن قالغان بىر ئىش.

دەكچەك

  • دەكچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۈچ پۇتلۇق كىچىك قازان.

دەككە

  • دەككە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ھىندىچە[[يەشمىسى:] نامۇۋاپىق ئىش، ھەرىكەت ئۈچۈن كايىپ ئېيتىلغان قاتتىق گەپ؛ تەنبىھ؛ زەربە:[مىسال:] دەككە بەرمەك. دەككە يېمەك.

دەككە-دۈككە

  • دەككە-دۈككە[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن قىلىنغان تەشۋىش ۋە ئەندىشە؛ قورقۇنچ؛ ئىككىلىنىش:[مىسال:] يۈرىكىم دەككە-دۈككىدە، كېسەلدىن يېڭى قوپقان ئادەمدەك دەلدەڭشىپ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.

دەككە-دۈككىلىك

  • دەككە-دۈككىلىك[يەشمىسى:] تەشۋىش، ئەندىشىگە چۈشكەن ھالەت؛ قورقۇنچلۇق كەيپىيات:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆڭلىدە ھامان بىرخىل دەككە-دۈككىلىك، خۇدۈكسىرەش بولغاچقا، گەپ-سۆزلىرى قانچە قىلسىمۇ چاك باسمايتتى.

دەگدەك

  • دەگدەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەندىشە، ساراسىمە، قورقۇنچ.

دەڭ

  • دەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يولۇچىلار چۈشىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئات-ئۇلاغلىرىمۇ تۇرالايدىغان مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى قونالغۇ جاي؛ ساراي:[مىسال:] كۆز سالسا سايغا قوينى كەڭ ئىكەن، كارۋانلار قونغان كونا دەڭ ئىكەن.

دەڭجا

  • دەڭجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] دەڭنى باشقۇرغۇچى خوجايىن:[مىسال:] قەرزگە بوغۇلۇپ قالدۇق، دەڭجالارغا پۇل لازىم. يېنىڭدا بولمىسا، دەڭجا بەگكە كىم لازىم.

دەڭجالىق

  • دەڭجالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەڭجالارنىڭ ئىشى، كەسپى.

دەڭسەتمەك

  • دەڭسەتمەك[يەشمىسى:] «دەڭسىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ھېلىقى قاسساپقا بۇ قوينى كۆتۈرگۈزۈپ دەڭسەتتىم.

دەڭسەشمەك

  • دەڭسەشمەك[يەشمىسى:] «دەڭسىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قېنى، ھەممىڭلار نەق مەيداندا تۇرۇپسىلەر، ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، سەۋەنلىك، ئەيىب كىمدىن ئۆتتى، ھەربىرىڭلار دەڭسىشىپ بىرنېمە دېمەمسىلەر

دەڭسەلمەك

  • دەڭسەلمەك[يەشمىسى:] «دەڭسىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دەڭسەيچى

  • دەڭسەيچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان مالاي؛ يالاقچى:[مىسال:] يامۇلدىكى زالىمنى ئىدرىس لوزۇڭ دەيدىكەن. دەڭسەيچىسى كەينىدە يۇرتنى بۇلاپ يەيدىكەن.

دەڭسىمەك

  • دەڭسىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى قول بىلەن كۆتۈرۈپ مىقدارىنى پەرەز قىلماق، بودىماق، قىياس قىلماق:[مىسال:] ئۇ سومكىدىكى گۆشنى ئۇياق-بۇيېقىغا ئۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن قولىغا ئېلىپ دەڭسەشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆزنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى ياكى ئاقىۋىتىنى ئۆز كۆڭلىدە قىياس قىلماق، مۆلچەرلىمەك:[مىسال:] زەينەپ دادىسىنىڭ گەپلىرىنى كۆڭلىدە دەڭسەپ كۆرۈپ، بۇنىڭ پاكىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

دەڭگىدۈگە

  • دەڭگىدۈگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىرخىل ياۋا ئوت-چۆپ. تال-تال ئۆسىدۇ، ئاق چېچەكلەيدۇ، ئۇرۇقى ئۇششاق سېرىق كېلىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ ئىسى بىلەن چىش ئاغرىقىنى داۋالاشقا بولىدۇ.

دەڭگىرەك

  • دەڭگىرەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوڭ گەپ قىلىدىغان، پوچى.

دەڭگىرەكلىمەك

  • دەڭگىرەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پو ئاتماق، پوچىلىق قىلماق.

دەل

  • دەل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① نەق، تازا، توپتوغرا:[مىسال:] بۇ مەن ئىزدىگەن ئادەمنىڭ دەل ئۆزى. ∥يامغۇر دەل ۋاقتىدا ياغدى.[يەشمىسى:] ② بەئەينى؛ تامامەن، پۈتۈنلەي:[مىسال:] ھەمراھىمنىڭ سۆزى دەل ئويلىغان يېرىمدىن چىقتى.[يەشمىسى:] ③ مۇۋاپىق، ئورۇنلۇق، يولىدا، لايىقىدا:[مىسال:] شۇ ئارقىلىق جىنايەتچىلەرگە پۇختا، دەل، قاتتىق زەربە بەردى.

دەلتە

  • دەلتە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گومۇش، كالۋا، دۆت:[مىسال:] ھە، مەخمۇت دەلتىمۇسەن تىلىڭ چىقىپ قاپتۇغۇ دېدى سەلەي.

دەلتىلىك

  • دەلتىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گومۇشلۇق، كالۋالىق:[مىسال:] ئەخمەق، گالۋاڭ قاپاق باش دېدى ئۇ، -دەلتىلىكىڭدىن ئاۋۇ بىرنېمە ئاشكارا زاڭلىق قىلىۋاتسا، گۇپپاڭ ئېتىشىپ بېرىۋاتسىنا

دەل-دەرەخ

  • دەل-دەرەخ[يەشمىسى:] ھەر خىل دەرەخ: ئېرىقنىڭ قىرلىرىدىكى چۆپلەر ۋە دەل-دەرەخلەرلا يېشىل كۆرۈنەتتى.

دەل-دەرەخلىك

  • دەل-دەرەخلىك[يەشمىسى:] ① دەل-دەرەخلەرنى كۆپ، ئەتراپى دەل-دەرەخلەر بىلەن ئورالغان:[مىسال:] بۈككىدە دەل-دەرەخلىك گۈزەل يۇرتۇم، گۈپۈلدەپ گۈل پۇرايدۇ باغ-دالاسى. ئىش مېھنەت دولقۇنلىنىپ تاغ سۈيىدەك، ھەرياقتىن ياڭراپ تۇرار شاد ناۋاسى.[يەشمىسى:] ② دەل-دەرەخ كۆپ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] دەل-دەرەخلىك ئىچىگە، كىرىپ كەتتى.

دەلدەڭ

  • دەلدەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساڭگىلاپ، پۇلاڭلاپ تۇرىدىغان:[مىسال:] دەلدەڭ قۇلاق.

دەلدەڭلەشمەك

  • دەلدەڭلەشمەك[يەشمىسى:] «دەلدەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرىنى يۆلىشىپ، دەلدەڭلىشىپ ئاران دېگەندە تام تۈۋىگە بېرىۋالدى.

دەلدەڭلىمەك

  • دەلدەڭلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىرغاڭلاپ، سەنتۈرۈلۈپ، پۇتىنى تەستە يۆتكەپ ماڭماق، دەلدەڭشىمەك:[مىسال:] بىر لۈكچەك چويۇن مۇشت بىلەن ئالماسنىڭ بويۇن تومۇرىغا ئۇردى. ئالماس دەلدەڭلەپ بېرىپ تامغا يۆلىنىپ قالدى.

دەلدۈش

  • دەلدۈش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەلدەڭشىپ ماڭىدىغان؛ لەقۋا:[مىسال:] باي بالىسىنىڭ مېڭىسى ئېغىر زەخمىلەنگەچكە ئۈچ-تۆت ئايدىن كېيىن ئاران ساقىيىپتۇ، ساقايغاندىمۇ دەلدۈش بولۇپ ساقىيىپتۇ.

دەلدۈشلۈك

  • دەلدۈشلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەلدۈش ھالەت:[مىسال:] قاسىم ئاكاملارنى بالىسىنىڭ دەلدۈشلۈكى كۆپ ئەنسىرەشكە سالدى.

دەلدۈگۈنمەك

  • دەلدۈگۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سەنتۈرۈلمەك، دەلدەڭشىمەك:[مىسال:] ئۇ بۆرىگە يولۇققان قويدەك چۆچۈپ ئارقىسىغا دەلدۈگۈندى.

دەلدۈڭ

  • دەلدۈڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقىلسىز، كالۋا، دۆت:[مىسال:] دەلدۈڭ ئادەم.

دەلدۈڭلۈك

  • دەلدۈڭلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىلسىزلىق، دۆتلۈك.

دەللال

  • دەللال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سودا-سېتىقتا ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنى كېلىشتۈرگۈچى، مالغا باھا قويۇپ پۈتۈشتۈرگۈچى:[مىسال:] يېنىمدا پۇل دىدارى قالمىغانىدى. ھېلىقى ئالتۇن ئەسۋابنى ئېلىپ بازارغا باردىم ۋە ئۇنى سېتىش ئۈچۈن دەللالغا بەردىم. ∥ئۇ مۇنداق قارىماققا شۇ ۋاقىتتىكى گەزمال بازىرىدىكى دەللال بايۋەچچىلەرگە، ئوخشاپ كېتەتتى.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] سەلبىي مەنىدىكى سۆز.[يەشمىسى:] خوتۇن-قىزلار ۋە ئاياللار بىلەن ئەرلەرنى ئۇچراشتۇرغۇچى دەللە:[مىسال:] بۇرۇنقى زامانلاردا توي ئىشى پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا دەللاللار قاتنايدىكەنمىش.

دەللاللىق

  • دەللاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەللاللارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، خاراكتېر:[مىسال:] دەللاللىق قىلماق.

دەللە

  • دەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] سەلبىي مەنىدىكى سۆز.[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللارنى تېپىشتۇرۇش، ئۇچراشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئايال؛ دەللال:[مىسال:] ھاكىم خوتۇنىنىڭ قېشىغا كىرگەنىكەن، ئۇ خوتۇن ئېرىگە دەللە ئۆگەتكەن سۆزلەرنى ئېيتىپ، ئېرىنى قېشىغا يېقىن يولاتماپتۇ.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] قېرى ئەبلەخ، بۇزۇق:[مىسال:] مېنى ئاچتىن ئۆلتۈرۈشنى ئويلاۋاتامسەن، ھوي دەللە ۋارقىرىدى موللام.

دەللەتمەك

  • دەللەتمەك[يەشمىسى:] «دەللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دەللەشمەك

  • دەللەشمەك[يەشمىسى:] «دەللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دەللەنمەك

  • دەللەنمەك[يەشمىسى:] «دەللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دەللىك

  • دەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەل ھالەت:[مىسال:] بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دەللىكى بولغان ھالدا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم.

دەللىلىك

  • دەللىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەللە خوتۇنلارنىڭ ئەر-ئاياللارنى تېپىشتۇرۇش، ئۇچراشتۇرۇش ئىشى ۋە مۇشۇنداق ئادەت:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، تۇردىخان تېز دەللىلىك يولىغا ئۆتۈۋالدى.

دەللىڭ

  • دەللىڭ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① توغرا، راۋۇرۇس، دادىل:[مىسال:] ئەل-جامائەتنىڭ ئىشى ئۈچۈن تۆت ئېغىز دەللىڭ گەپ قىلىپ بىر كۈن ياشىساڭمۇ ئەۋزەل.[يەشمىسى:] ② ئۆز ئالدىغا، ئايرىم، مۇستەقىل: دەللىڭ ئىش قىلماق.

دەللىمەك

  • دەللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇۋاپىق، ماس، باب ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ لايىقلاشتۇرماق:[مىسال:] رەختنى بويىغا دەللەپ كەستى.[يەشمىسى:] ② بەلگىلەنگەن جايغا ئۇدۇللىماق، نىشانلىماق؛ قارىغا ئالماق:[مىسال:] سېلىممۇ يەڭلىرىنى شىمايلىغىنىچە ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگە دەللەپ مۇشت ئاتتى.

دەلمۇدەل

  • دەلمۇدەل[يەشمىسى:] ① ناھايىتى باپ، ناھايىتى ماس:[مىسال:] ئۇنىڭدىكى ۋاقىت ئاق سېرىق بالىنىڭ ئېيتقىنىغا دەلمۇدەل توغرا كېلەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باپباراۋەر، تەڭمۇتەڭ:[مىسال:] ئوڭۇشسىزلىقلارغا دەلمۇدەل تاقابىل تۇردى.

دەلۋە

  • دەلۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دەلۋە بۇرجى. ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ بىرى. ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى °300دىن °330 قىچە. ئەسلىي ئورنى دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، يىللارنىڭ ئوتۈشى بىلەن جەدى بۇرجغا يۆتكەلگەن. ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجغا كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۇم «قاپاقياردى» دېيىلىدۇ.

دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمى

  • دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئېكلىپتىكىدىكى 12 يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ بىرى. مەركىزىي ئورنى: ئېكۋاتور ئۇزۇنلۇقى 22 سائەت 40 مىنۇت، ئېكۋاتور كەڭلىكى °13-، يەنى پېگاس يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن ھوت يۇلتۈز تۈركۈمىنىڭ جەنۇبىغا، جەنۇبىي بېلىق يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ.

دەلۋىدىۋانە

  • دەلۋىدىۋانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دەلۋە+دىۋانە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 24 مەۋسۈمنىڭ بىرى. مىلادىيە ھېسابىدا 5-يانۋاردىن 7-يانۋار ئارىلىقىدا باشلىنىدۇ.

دەلىل

  • دەلىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر ئىش، ۋەقە، ھادىسەياكى ئوي-پىكىرنىڭ راست، توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندرۈپ بېرىدىغان رېئال ئەھۋال ۋە ئەمەلىي نەرسە:[مىسال:] بۇ بىچارىنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ھالىتى ئەنە شۇنداق پىتنە-پاساتلارغا ئېنىق دەلىل بولۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② توغرا خۇلاسە، يەكۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس، پاكىت، ئىسپات، ھۆججەت:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-پاكىزلىقىنى ئىسپاتلىيالىغۇدەك دەلىلگىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى.

دەلىلسىز

  • دەلىلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەلىلى يوق، دەلىللەنمىگەن:[مىسال:] پاكىتسىز، دەلىلسىز گەپلەر قىلچە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

دەلىللەتمەك

  • دەلىللەتمەك[يەشمىسى:] «دەلىللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دەلىللەشمەك

  • دەلىللەشمەك[يەشمىسى:] «دەلىللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون ۋە ئارستوتېلمۇ نەزەرىيە جەھەتتىن، قۇلدارلارنىڭ قۇل ئىگىلەش ھوقۇقى ھېچقاچان چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئادەتتىكى خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىدۇر دەپ دەلىللىشىپ باققانىدى.

دەلىللەنمەك

  • دەلىللەنمەك[يەشمىسى:] «دەلىللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نەزەرىيە بىلىمى، ھەم ئەمەلىي تەجرىبىسى بار يولداشلارغا ئەستايىدىل دەلىللەنگەن بىر ياكى بىرنەچچە خىل يەكۈن ياكى لايىھە قويدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

دەلىللىك

  • دەلىللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەلىلى بار، دەلىللەنگەن، دەلىلگە ئاساسلانغان:[مىسال:] پىكىر بەرگۈچىلەر ئېيتقانلىرىنىڭ دەلىللىك بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇشى لازىم.

دەلىللىمەك

  • دەلىللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پىكىر، مۇلاھىزە، دەۋا-تەلەپ قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىل، پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىماق:[مىسال:] داۋۇتنىڭ ئۆلۈمى، ئوسماننىڭ قولغا ئېلىنىشى، بۇ ئەنزىلەرنىڭ خېلىلا چوڭقۇر ئىقتىسادىي، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى دەلىللەيدۇ.

دەلىل-ئىسپات

  • دەلىل-ئىسپات[يەشمىسى:] دەلىل ۋە ئىسپات:[مىسال:] بۇ يەردە كېرەكلىكى لىرىكا ئەمەس، دەلىل-ئىسپات.

دەلىل-ئىسپاتسىز

  • دەلىل-ئىسپاتسىز[يەشمىسى:] دەلىل-ئىسپاتى يوق، دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسلانمىغان:[مىسال:] دەلىل-ئىسپاتسىز، يالغان-ياۋىداق گەپ.

دەلىل-ئىسپاتلىق

  • دەلىل-ئىسپاتلىق[يەشمىسى:] دەلىل-ئىسپاتى بار، دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسلانغان:[مىسال:] دەلىل-ئىسپاتلىق ماتېرىيال.

دەمⅠ

  • دەمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشىكنى تىرەپ قويىدىغان ياغاچ:[مىسال:] ساڭا قاراپ مەن، ئىشىككە قاراپ دەم (ماقال). * ئىش پەم بىلەن، ئىشىك دەم بىلەن (ماقال).

دەمⅡ

  • دەمⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەپەس، تىنىق:[مىسال:] دېمى كېسىلمەك. * ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى. دادىسى كۆرۈنمەيتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارام، ھاردۇق:[مىسال:] دەم ئالماق. * بۇلارنىڭ ئاتلىرى دەمگە موھتاج، ئۆزىنىڭ ئاتلىرىنىڭ قارنىمۇ ئاچ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇس، ھور:[مىسال:] سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاغ، ۋاقىت، پەيت:[مىسال:] ئۇ مۇھەببەتنىڭ خۇشاللىق پەيتلىرىمۇ، قايغۇلۇق دەملىرىمۇ بولىدۇ، دېگەن چۈشەنچىلەرگە قوشۇلالمايتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نان، سۇ قاتارلىق بىرەر نەرسىگە دۇئا، ئايەتلەرنى ئوقۇپ سۈپكۈچ قىلىش؛ دەمىدە:[مىسال:] دەم سالماق.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تىك، ئۆرە (كىچىك بالىلار ھەققىدە):[مىسال:] دەم تۇرماق.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] بىردەم، بەزى، گاھى، تۇرۇپ:[مىسال:] ئۇستىلار توقۇلۇپ بولغان گىلەمگە دەم يىراقتىن، دەم يېقىندىن زوق بىلەن تىكىلىپ قارىشاتتى.

دەم تۇتماق

  • دەم تۇتماق[يەشمىسى:] بۇقۇلدىماق، سايرىماق (كەپتەر ھەققىدە).

دەم سالماق

  • دەم سالماق[يەشمىسى:] نان، سۇ قاتارلىق بىرەر نەرسىگە دۇئا. ئەپسۇن ئوقۇپ «سۈپ» «كۆچ» دەپ سۈپكۆچلىمەك؛ دەمىدە قىلماق:[مىسال:] ھاتەم «ئىسمىئەزەم»نى ئوقۇپ دەم سېلىۋىدى، ئوت غايىب بولدى.

دەم يېمەك

  • دەم يېمەك[يەشمىسى:] ھورىنى چىقارماي، ئۆزىنىڭ ھورى بىلەن پىشۇرماق؛ ئۆز ھورى بىلەن پىشماق:[مىسال:] سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ (ماقال).

دېمىنى ئىچىگە يۇتماق

  • دېمىنى ئىچىگە يۇتماق[يەشمىسى:] ئېيتىدىغىنىنى ئېيتماي جىم بولماق:[مىسال:] قادىر ھاكىمجاننىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ، دېمىنى ئچىگە يۇتتى-دە، خورلۇق ئىچىدە ئېغىر چامداپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى.

دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك

  • دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك[يەشمىسى:] ① نەپىسى قىسىلىپ سۆزلىيەلمەي قالماق:[مىسال:] ئۇ سۆزلىگەنسېرى دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپ، كېيىنكى گەپلىرى گويا يەر ئاستىدىن چىقىۋاتقاندەك ئېنىق ئاڭلانماي قالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نېمە دېيىشنى بىلەلمەي، ئاغزىنى ئاچالماي قالماق؛ شۈك بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئەكبەر گەپدان تاغىسىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكىنىگە ھەيران بولمىدى.

دەمال

  • دەمال[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىسقا مۇددەت ئىچىدە، دەرھال:[مىسال:] قوش قاناتلىق ئىشىك ئىككى تەرەپكە يوغان ئېچىۋېتىلدى. ئەسكەرلەر دەمال باستۇرۇپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

دەماللىققا

  • دەماللىققا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، دەرھاللا:[مىسال:] لەيلىگۈل بۇ ئادەمنى قەيەردىدۇر كۆرگەندەك قىلدى. لېكىن، دەماللىققا ئەسلىيەلمىدى.

دەمبەدەم

  • دەمبەدەم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەردەم، دائىم؛ تېز-تېز، ئارقىمۇئارقا:[مىسال:] نىم شېھىت، ئۆتمۈشنى قوي، سەن دەمبەدەم ئالدىڭغا باس، ماغدۇرۇڭ بار، ئالدىدا بول كەينىدە قالما، خالاس، گەر ئېغىرلىق كەلسە ئىشتا دەۋردىن قىل ئىلتىماس، چۈنكى ھەردەم ئالغا باسماق خەلق ئۈمىدى بىرلە ماس.

دەمبەس

  • دەمبەس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دېمىنى ئۇلاپ، دەم ئالماي، ئارقىمۇئارقا؛ ئۈزلۈكسىز:[مىسال:] دەمبەس قەدەم.[يەشمىسى:] ② كۈچەپ: دەمبەس قىلماق.

دەمدان

  • دەمدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] زەرگەرلەر ئوتنى پۈۋلەشتە ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن مىس نوركەش.

دەمدەر

  • دەمدەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆي كەپتىرىنىڭ بىرخىلى. ئۇ ناھايىتى يېقىملىق، مۇڭلۇق سايرايدۇ.

دەم-دەم

  • دەم-دەم[يەشمىسى:] بىردەم-بىردەم، پات-پات:[مىسال:] شوپۇر دەم-دەم سائىتىگە قاراپ، كېتىشنىڭ تەرەددۇتىغا چۈشۈشكە باشلىدى.

دەمساز

  • دەمساز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەمدەم، ئۈلپەت، ھەمسۆھبەت:[مىسال:] كىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە نەچچە كۈن بولۇر ھەمراھ، بولمىڭىز ئاڭا دەمساز، بىۋاپا ئۇيالغان قىز.

دەمسىقما

  • دەمسىقما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دەم+سىقما[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] «زىققا»غا قاراڭ

دەملەتمەكⅠ

  • دەملەتمەكⅠ[يەشمىسى:] «دەملىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىكنى دەملەتمەك.

دەملەتمەكⅡ

  • دەملەتمەكⅡ[يەشمىسى:] «دەملىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چاي دەملەتمەك.

دەملەشمەكⅠ

  • دەملەشمەكⅠ[يەشمىسى:] «دەملىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى قوشنا بىرھازا گەپلەشكەندىن كېيىن ئىشىكلىرىنى دەملىشىپ كىرىپ كېتىشتى.

دەملەشمەكⅡ

  • دەملەشمەكⅡ[يەشمىسى:] «دەملىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمدىلا ناشتىغا تارىغان ئەزالار چوڭ قازاندىن قاچىلىرىغا قايناق سۇ ئېلىپ چايلىرىنى دەملەشتى.

دەملەشمەكⅢ

  • دەملەشمەكⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالماشماق، نۆۋەتلەشمەك:[مىسال:] دوستۇم، يۈك ئېغىر، ئۇنى كۆتۈرۈپ ئاۋارە بولغىچە بىرىمىزنىڭ يۈكىنى دەملىشىپ كۆتۈرەيلى.

دەملەنمەكⅠ

  • دەملەنمەكⅠ[يەشمىسى:] «دەملىمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياسىن قارىسا ئىشىك دەملىنىپ چىراغ ئاللىقاچان ئۆچۈرۈلۈپتۇ.

دەملەنمەكⅡ

  • دەملەنمەكⅡ[يەشمىسى:] «دەملىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاشپەز چەينەكتىكى دورا-دەرمان بىلەن دەملەنگەن قىزىق چاينى مەسۇم ئوتۇنچىنىڭ ئالدىدىكى پىيالىگە قۇيۇۋېتىپ گەپ باشلىدى.

دەملىك

  • دەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەپىسى، دېمى بار، تىرىك، جانلىق:[مىسال:] ئاللا يارىم سەن بۇ يەردە بارىكەندۇقسەن، دەملىكمىكىن دەمسىزمىكىن بارىكەندۇقسەن.

دەملىمەكⅠ

  • دەملىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىشىكنى دەم بىلەن ھىم ئەتمەك:[مىسال:] ھويلىنىڭ ئىشىكىنى دەملىمەك.

دەملىمەكⅡ

  • دەملىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دۈملەپ تەمىنى چىقارماق:[مىسال:] چاي دەملىمەك[يەشمىسى:] ② دۈملىمەك:[مىسال:] ناھايىتى ياخشى، دېدى ئۇستا، ئەمما پېشىندىن كەچ قالماڭ، مەن ئاشنى دەملەپ سىزنى كۈتۈپ ئولتۇرىمەن.

دەممۇدەم

  • دەممۇدەم[يەشمىسى:] ئارقىمۇئارقا، ئۈزلۈكسىز؛ ئۈزۈلمەي، توختىماي:[مىسال:] ھەممەيلەن چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن بولۇپ، ئاران نەپەس ئالاتتى. ئېشەكلەر ھاسىرايتتى، دەممۇدەم خارتىلدايتتى، پۇشقۇراتتى.

دەمىدە

  • دەمىدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نان، سۇ قاتارلىق بىرەر نەرسىگە دۇئا، ئايەت، ئەپسۇنلارنى ئوقۇپ سۈپكۆچ قىلىش؛ دەم:[مىسال:] دەمىدە سۈيى. دەمىدە قىلماق.

دەن

  • دەن[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر دەن 50 كىلوگرام ياكى 100 جىڭغا تەڭ كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سېلىق، باج، تۆلەم:[مىسال:] ھەم دەن ھەم ئۆشرە ئالسا دېھقانلارغا ئېغىر بولمامدۇ، بىرىنى ئالسىمۇ بولىدۇ-غۇ.

دەند

  • دەند[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئۇرۇقىنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، تەبىئىتى ئىسسىسق، زەھەرلىك كېلىدۇ. ئۇرۇقى تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ يىغىلىپ قالغان سوغۇقلۇقنى سۈرۈش، بەلغەم بوشىتىش، سۇيۇقلۇقنى ھەيدەش خۇسۇسىيەتلىرى بولىدۇ. ئادەتتە كۈچلۈك سۈرگە دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە «ھەببۈلمۈلۈك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.

دەندان

  • دەندان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چىش:[مىسال:] دەندان ساپلىق پىچاق.

دەندانە

  • دەندانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كالىنىڭ قوۋۇرغىسى.

دەندەتمەك

  • دەندەتمەك[يەشمىسى:] «دەندىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] «ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۇراپ چوڭ-كىچىك ھەممىسىنى خېلىلا دەندىتىپ قويۇپتۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ.

دەندەشمەك

  • دەندەشمەك[يەشمىسى:] «دەندىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دەندىمەك

  • دەندىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆنۈپ قالماق، ئادەتلىنىپ قالماق؛ تېپىپ قالماق:[مىسال:] تۇز يالاپ خوپ دەندىگەن ئىت نەپسىنىڭ زەنجىرىدە، تاپىدۇ قوپۇرغا ئاستىدىن ھالاكەت ئاقىۋەت.

دەھر

  • دەھر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] زامان، دەۋر؛ ئالەم:[مىسال:] دۈشمەننى بۇ دەھر زەربەردەست قىلۇر، نەخۋەت مەيىدىن بىرنەچچە كۈن مەست قىلۇر. غەم يېمەكى، يەتكۈزسە باشىنى كۆككە، ئاخىر يەنە يەر كەبى ئۇنى پەس قىلۇر.

دەھرىي

  • دەھرىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم، دىنسىز كىشى.

دەھرىيلىك

  • دەھرىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇداغا ئىشەنمەسلىك، دىنسىزلىق:[مىسال:] شۇنىڭدىن باشلاپ مەنسۇر ھەللاجى دەھرىيلىك ئىدىيىسىنىڭ بىر نامايەندىسى بولۇپ قالدى.

دەھشەت

  • دەھشەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك ئەھۋال، كۆرۈنۈش، ھادىسە:[مىسال:] ئادەملەر بۇ دەھشەتتىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالايمىقان چۇرقىرىشاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورقۇنچ، خەۋپ، ۋەھىمە:[مىسال:] ئىككىيلەن رىشىتنىڭ چىرايىدىكى دەھشەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يامان، قاتتىق، ئىنتايىن:[مىسال:] ئەتراپنى قورشاپ قاتار چېرىك كېلىدۇ، قىزىل قانغا قامچىلار شېرىك كېلىدۇ، چېرىكبېشى بوغۇلۇپ چىرقىرار دەھشەت، قارا قولدا قانلىق قىلىچ پىرقىرار دەھشەت.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قەھر، غەزەپ؛ شىددەت:[مىسال:] ئۇ، تېخىمۇ دەھشەت بىلەن ھۆركىرەشكە باشلىدى.

دەھشەتلىك

  • دەھشەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك:[مىسال:] جامالىدىن دەھشەتلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك بېشىنى قاتتىق سىلكىدى.[يەشمىسى:] ② قاتتىق ئازاب سالىدىغان، چىدىغىلى بولمايدىغان؛ كۈچلۈك، قاتتىق:[مىسال:] قۇل ئىگىلەش تۈزۈمىدىكى قانۇنلاردا، قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن دەھشەتلىك جازالار بەلگىلەنگەن.

دەھلىز

  • دەھلىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بىر يۈرۈش ئۆينىڭ سىرتقى ئىشىكى بىلەن باشقا ئۆي ئىشىكلىرى ئارىلىقىدىكى بوشلۇق، كارىدور:[مىسال:] بالا دەھلىز ئارقىلىق مېھمانخانىغا كىرىپ ئەدەپ بىلەن سالام بەردى.

دەھلىزلىك

  • دەھلىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەھلىزى بار، دەھلىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] بۇ يەردىكى قەدىمىي ئۆي رېمونت قىلىنغان، بىر تەرىپىگە يانداپ دەھلىزلىك يېڭى ئۆيمۇ سېلىنغانىدى.

دەۋا

  • دەۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆز ئىگىلىكىدىكى مال-مۈلۈك، ھەق تەلەپنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن قويۇلغان تەلەپ؛ ئەرز:[مىسال:] ئوغرى-دەۋانىڭ ئۇرۇقى، چېچەن-دەۋانىڭ قۇيرۇقى (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] تەپتىش ئورگانلىرى، سوت مەھكىمىسى ۋە ھەق تەلەپ ئەنزىلىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلار، جىنايى ئىشلار ئەنزىلىرىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئەنزىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى.[يەشمىسى:] ③ باشقىلارنى ئەيىبلەپ، قارىلاپ قىلىنغان شىكايەت، ئەرز:[مىسال:] كۈندە نەچچە ئادەمنىڭ دەۋا، تەنە-تاپىلىرىنى ئاڭلايمەن.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىش يولىدا ئېيتىلغان پىكىر، مۇلاھىزە؛ تالاش-تارتىش:[مىسال:] چالا-پۇچۇق بىرنەچچە كىتابنى ۋاراقلاپ چىقىپلا ئالىملىق دەۋاسىنى قىلىدىغان ئادەملەرمۇ چىقىپ تۇرىدۇ.

دەۋا-دەستۇر

  • دەۋا-دەستۇر[يەشمىسى:] ئەرز-شىكايەت؛ دەۋا ئىشلىرى:[مىسال:] سالى 30 نەچچە يېشىدا دەۋا-دەستۇر ئىشلىرىدىكى توغرا كېسەرلىكى بىلەن داڭق چىقىرىشقا باشلىغانىدى.

دەۋاگەر

  • دەۋاگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ① سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان كىشى، ئورگان ياكى كوللېكتىپ، يەنى «جاۋابكار» نىڭ قارشىسىدىكى كىشى ياكى ئورۇن:[مىسال:] دەۋاگەر دەۋا قىلماس، دەۋا قىلسا قۇرۇق قالماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنغۇچى كىشى:[مىسال:] مەنسەپ دەۋاگەرلىرى بىر-بىرىنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتكۈدەك بولۇشۇپتۇ.

دەۋاگەرلىك

  • دەۋاگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەۋا قىلىدىغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] سېنىڭ دەۋاگەرلىكىڭ قاچان قالار

دەۋالاشماق

  • دەۋالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشماق؛ دەۋا قىلىشماق:[مىسال:] ئۇلار دەۋالىشىپ ناھىيىگە بېرىپتۇ.

دەۋەت

  • دەۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ئەقىدە، يول، مەسلەك قاتارلىقلارغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان تەكلىپ، چاقىرىق، ئۈندەش، تەشەببۇس:[مىسال:] دەۋەت قىلماق. * نۇرئاخۇن بايۋەچچىنىڭ بۇ دەۋىتى ئابدۇسوپۇر ھاجىمنىڭ ياشلىق تىلەكلىرى قايناپ تۇرغان كۆڭلىگە تولىمۇ ياققانىدى.

دەۋەتچى

  • دەۋەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ئەقىدە، يول، مەسلەك قاتارلىقلارغا دەۋەت قىلغۇچى:[مىسال:] ئۇ كۈن ئولتۇرغاندا ياتاققا كىردى، قارا قاغىدەك يامراپ كەتكەن ھېلىقى دەۋەتچىلەرنىڭ ئايىغى شۇ چاغدا ۋاقتىنچە بېسىقىپ قالغانىدى.

دەۋەتنامە

  • دەۋەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ئەقىدە، يول، مەسلەك قاتارلىقلارغا دەۋەت قىلىپ يېزىلغان خەت؛ تەكلىپنامە:[مىسال:] شاھتىن كەلگەن ئەلچىلەر، يۇرت كاتتىلىرىدىن كەلگەن دەۋەتنامىلەر ئۇنىڭ قىزى تەرەپتە تۇرۇش ئىرادىسىنى تەۋرەتتى.

دەۋرⅠ

  • دەۋرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تارىختىكى ئىقتىسادىي سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللار ئاساس قىلىنىپ بۆلۈنگەن مۇئەييەن مەزگىل. مەسىلەن، تاش قورال دەۋرى، فېئوداللىق دەۋر.[يەشمىسى:] ② كىشى ئۆمرىنىڭ مۇئەييەن مەزگىلى:[مىسال:] ياشلىق دەۋر. بالىلىق دەۋر.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئېرادىن كىچىك بولغان گېئولوگىيىلىك يىل بىرلىكى. بىر ئېرا بىرنەچچە دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەۋر ئىچىدە شەكىللەنگەن يەر قاتلاملىرى بىر سىستېما دېيىلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>س ئىقتىساد<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەريانىدا ئۇنىڭ مەلۇم بەلگىلىرى كۆپ قېتىم قايتا-قايتا كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بەلگىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىككى قېتىم كۆرۈلۈشىگە كەتكەن ۋاقىت.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىملار تەكرار ھەرىكەت قىلغاندا ياكى فىزىكىلىق مىقدارلار دەۋرىي ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ بىرقېتىم تەكرارلىنىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە-ھادىسە بولۇپ ئۆتكەن، بېجىرىلىدىغان بەلگىلىك ۋاقىت؛ زامان:[مىسال:] ئوينايدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى. ياشلىقىمىزنى خارلىمايلى. ئاھ... شەھەردىكى دوستلىرىم.[يەشمىسى:] ⑦ كىشىنىڭ ئامىتى كەلگەن چاغ، پەيت، زامان:[مىسال:] بىز كەمبەغەللەرنىڭ دەۋرى كەلدى.

دەۋر سۈرمەك

  • دەۋر سۈرمەك[يەشمىسى:] ① ھۈكۈمرانلىق قىلماق:[مىسال:] ئەنجەد ۋەزىرلىك كۇرسىغا ئولتۇرۇپ، شۇ يەردە دەۋر سۈرۈپ تۇرسۇن، ئەمدى بىز گەپنى باشقا يەردىن ئاڭلايلى.[يەشمىسى:] ② راھەت-پاراغەتتە تۇرمۇش كەچۈرمەك، باياشات ياشىماق:[مىسال:] ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن باياتىن گېپىنى قىلغان ھەيدەر ئۇلارنىڭ ئۇدۇل قوشنىسى بولۇپ، ئۇنىڭمۇ بىرچاغلاردا دەۋر سۈرگەن ۋاقتى بولغان.

دەۋر قىلماق

  • دەۋر قىلماق[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر نۇقتا، مەركەزنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا چۆرىدىمەك:[مىسال:] چارۋىچىلىقنى دەۋر قىلغان ھالدا تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاغ-دەريا ۋادىلىرىدىكى ئورمانلارنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.[يەشمىسى:] ② ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ تۇرماق:[مىسال:] قانداق قىلىپ قىسىم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىم ئۈزۈلمەي دەۋر قىلىشقا باشلىدى.

دەۋرⅡ

  • دەۋرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاتنىڭ ئۈستىگە يېپىلىدىغان بېزەكلىك يىپەك ياكى يۇڭ يوپۇق.[يەشمىسى:] ② قارا ئۆيدىكى تەرمە بېشىدىن تۈڭلۈككە تۇتاشتۇرۇلغان ئۇزۇن ئوق ياغاچقا يېپىلىدىغان كىگىز.

دەۋران

  • دەۋران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دەۋرلەر، زامان:[مىسال:] دەۋران ماڭا يېڭى قەلەم بەردى. ئەمدى يازماي قاچان يازغۇلۇق

دەۋرەتمەك

  • دەۋرەتمەك[يەشمىسى:] «دەۋرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دەۋرەشمەك

  • دەۋرەشمەك[يەشمىسى:] «دەۋرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دەۋرداش

  • دەۋرداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «زامانداش»قا قاراڭ:[مىسال:] دېمەككى، ياشىدى بولۇپ دەۋرداش، ياشىدى بىز بىلەن بولۇپ تەقدىرداش. بىز بىلەن بىرلىكتە ئۆتتى ھاياتى، ئۇ بىزگە ئەڭ يېقىن سەمىمىي سىرداش.

دەۋرلىك

  • دەۋرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەۋرگە ئىگە، دەۋرگە ئائىت.

دەۋرىمەك

  • دەۋرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يامرىماق، تاشماق:[مىسال:] دەريا سۈيى دەۋرەپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ھەممە تەڭ ھەرىكەتلەنمەك، خۇددى دولقۇندەك يوپۇرۇلماق (ئادەملەر ھەققىدە):[مىسال:] بەگ پىلىككە ئوت يېقىش ئۈچۈن، قولىغا سەرەڭگە ئالغاندا، بىردىن تۆمۈر دەرۋازا ئالدىدا كىشىلەر دەۋرەپ دەھشەتلىك قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى.

دەۋرىي

  • دەۋرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋاقتى-ۋاقتىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] دەۋرىي قانۇنى. دەۋرىي ئونلۇق كەسىر.

دەۋرىي ئونلۇق كەسىر

  • دەۋرىي ئونلۇق كەسىر[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم بىر خانىسىدىن باشلاپ بىر ياكى بىرنەچچە رەقىمى بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىدىغان ئونلۇق كەسىر.

دەۋرىيلەنمەك

  • دەۋرىيلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەۋرىي ھالەتكە كەلمەك، دەۋرىي قىلماق، تەكرارلانماق، قايتىلانماق:[مىسال:] دەۋرىيلىنىدىغان رەقەم.

دەيدەي

  • دەيدەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈشكۈرتۈش، قۇترىتىش:[مىسال:] دەيدەيگە سالماق.

دەيدەيچى

  • دەيدەيچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەيدەيگە سالغۇچى كىشى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ئەتراپتىكى دەيدەيچىلەرنىڭ ھە-ھۇسى بىلەن خورازنى تاشلىۋېتىپ قاپتىمەن.

دەيدەيلىمەك

  • دەيدەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دەيدەيگە سالماق، قۇتراتماق:[مىسال:] ئۇلارنى سوقۇشتۇردى.

دەيزۇ

  • دەيزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن يۈننەنگە ئولتۇراقلاشقان.

د د ت

  • د د ت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] دى خلورو-دى فېنىل-ترى خلورو ئېتاندىن تەركىب تاپقان ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا.

د د ۋ

  • د د ۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] دى مېتىل-دى خلورو-ۋىنىل-فوسفاتتىن تەركىب تاپقان ئورگانىك فوسفورلۇق ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا.

دراپ

  • دراپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] كۆپىنچە ھەر خىل پەلتو رلانى تىكىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن قېلىن يۇڭ گەزلىمە، قېلىن موۋۇت:[مىسال:] دراپ پەلتو. كۈل رەڭ دراپ.

درامخما

  • درامخما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[يەشمىسى:] گرېتسىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

دراما

  • دراما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئاپتور تىلى ئارىلاشتۇرۇلماي، دىئالوگ شەكلىدە يېزىلغان سەھنە ئەسىرى؛ ئوپېرا:[مىسال:] دراما يازماق. دراما ئوينىماق.

دراماتۇرگ

  • دراماتۇرگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] دراما ئاپتورى يەنى سەھنە ئەسىرى يازغۇچى كىشى.

دراماتۇرگىيە

  • دراماتۇرگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ تۈزۈلۈش پرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى نەزەرىيە؛ تىياتىر سەنئىتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر مىللەت، خەلق، دەۋر ياكى بىرەر يازغۇچىنىڭ دراما شەكلىدە يېزىلغان ئەسەرلىرىنىڭ يىغىندىسى.

درامىچىلىق

  • درامىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دراما يېزىش، ئىجاد قىلىش ئىشى.

درامىلاشتۇرماق

  • درامىلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] درامىغا ئايلاندۇرماق، دراما شەكلىدە قايتا يېزىپ چىقماق، درامىغا ئۆزگەرتمەك.

دۋارىد

  • دۋارىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] «دۋارىد تىللىرى سىستېمىسى»غا قاراڭ.

دۋارىد تىللىرى سىستېمىسى

  • دۋارىد تىللىرى سىستېمىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىللارنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتىن كلاسسىفىكاتسىيە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئايرىلغان بىر تىل سىستېمىسى. بۇ سىستېمىسىدىكى تىللار ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمى، سىرلانكىنىڭ شىمالىي قىسمى ھەم پاكىستان قاتارلىق مەملىكەت ۋە رايونلاردا ئىشلىتىلىدۇ. نوپۇسى 100مىليوندىن ئاشىدۇ.

دوⅠ

  • دوⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قىمار ئويۇنىدا ئوتتۇرىغا تاشلانغان پۇل ۋە پۇلغا يارايدىغان نەرسە:[مىسال:] دو تىكمەك.[يەشمىسى:] ② نۆۋەت:[مىسال:] دو كەلمەك.

دوⅡ

  • دوⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] مۇزىكىدىكى بىرىنچى تاۋۇش ۋە شۇ تاۋۇشنى بىلدۈرىدىغان بەلگە.

دوبدۇلماق

  • دوبدۇلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دىۋەيلىمەك، تۇمشۇقىنى سوزۈپ كۆزگە كىرىۋالماق، قادىلىۋالماق.

دوبرا

  • دوبرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سان-تومې ۋە پرىنسىپى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل بىرلىكى.

دوپبېگى

  • دوپبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]دوپ+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغ قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ئاممىغا بېرىلىدىغان ئاش-تائام، يېمەك-ئىچمەكلەرنى تەقسىم قىلىپ بەرگۈچى كىشى:[مىسال:] مۇزەپپەر دوپبېگى ئۆز ھويلىسىدا كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى.

دوپپا

  • دوپپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللارنىڭ رەختتىن گۈللۈك ياكى گۈلسىز قىلىپ تىكىلگەن يازلىق باش كىيىمى؛ بۆك.

دوپپىسى سۇغا چىلاشماق

  • دوپپىسى سۇغا چىلاشماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ئوڭۇشسىزلىققا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماق، قىلغان ئىشى نەتىجىسىز ئاياغلاشماق:[مىسال:] بىرەر ھەپتە ئىلگىرىلا نازىمنىڭ ئالدىدىلا دوپپىسى سۇغا چىلىشىپ ياغلىغان تاسمىدەك بوشاپ قالغان روزى ئەنە شۇ بىز چۈشەنگەن بارات مەزىن بىلەن ئايىمخان قۇشناچىنىڭ ئوغلى ئىدى.

دوپپىسىغا جىگدە سالماق

  • دوپپىسىغا جىگدە سالماق[يەشمىسى:] باشقىلارنى ئالدىماق، ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ئەھۋالنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالماقچى بولدى.

دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتماق

  • دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتماق[يەشمىسى:] ئىنتايىن خۇرسەن بولماق، خۇشال بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] بالىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئەمەس بىرەر تېخنىكومغا قوبۇل قىلىنسىمۇ دوپپىلىرىنى ئاسمانغا ئاتسىلا بولىدۇ.

دوپپىسىنى ئال دېسە بېشىنى ئالىدىغان

  • دوپپىسىنى ئال دېسە بېشىنى ئالىدىغان[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان، ئىنتايىن سولدىن چىقىپ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئوغلى دوپپىسىنى ئال دېسە بېشىنى ئالىدىغان، چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويىدىغان ھاماقەت بىرنېمە ئىدى.

دوپپىسىنى قىرلاپ يۈرمەك

  • دوپپىسىنى قىرلاپ يۈرمەك[يەشمىسى:] غەم ۋە تەشۋىشتىن خالىي خۇشاللىنىپ يۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىپلا يەنە دوپپىسىنى قىرلاپ يۈرۈۋەردى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ئايشەمنىڭ جۇدۇنى تۇتتى.

دوپپىچان

  • دوپپىچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دوپپا كىيگەن:[مىسال:] ئاقساپ ماڭىدىغان دوپپىچان ئادەم چىرايىدىكى تەبەسسۇمىنى قىلچە ئۆچۈرمەستىن زىننەتكە قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى.

دوپپىچى

  • دوپپىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوپپا تىكىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] پاتەمخان پۈتۈن يۇرتتا داڭ چىقارغان ئۇستا دوپپىچى ئىدى.

دوپپىچىلىق

  • دوپپىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوپپا تىكىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] روزىخان ئاچا قىز ۋاقتىدا ئۆگەنگەن دوپپىچىلىقىنى قولىغا ئالدى.

دوپپىلىق

  • دوپپىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دوپپىسى بار، دوپپا كىيگەن:[مىسال:] دوپپىلىق يىگىت. دوپپىلىق چوكان.[يەشمىسى:] ② دوپپا تىكىشكە بولىدىغان، دوپپا تىكىشكە لايىق:[مىسال:] ئۇ بازاردىن ئىككى دوپپىلىق رەخت سېتىۋالدى.

دوتەي

  • دوتەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] بۇرۇنقى چاغلاردا قوللىنىلغان ۋالىي دەرىجىلىك مەمۇرىي ئەمەلدار ۋە شۇ ئەمەلگە تەيىنلەنگەن كىشى.

دوتەيلىك

  • دوتەيلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوتەيلەر يۈرگۈزىدىغان ئەمەل، ۋەزىپە:[مىسال:] دوتەيلىك قىلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دوتەيلەرگە خاس:[مىسال:] دوتەيلىك مەنسەپ. دوتەيلىك ئىمتىياز.

دوتسېنت

  • دوتسېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئالىي مەكتەپلەردە بېرىلىدىغان ھەمدە دەرىجىسى پروفېسسوردىن تۆۋەن، لېكتوردىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغان ئوقۇتقۇچى.

دوتسېنتلىق

  • دوتسېنتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوتسېنىتلارنىڭ ئىلمىي دەرىجىسى ۋە ئۇلارغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە:[مىسال:] قەلبىمىزدە بىلىم ھەۋىسى قوزغاشلىرى بولمىغان بولسا، مېنىڭ ئەسەرلىرىم ۋە ئالىي مەكتەپتىكى دوتسېنتلىقىم يوق گەپ ئىدى.

دوختۇر

  • دوختۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] تېببىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ھەمدە كېسەل داۋالاشنى كەسىپ قىلغان كىشى.

دوختۇرخانا

  • دوختۇرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] كېسەل كىشىلەرنى تەكشۈرىدىغان، داۋالايدىغان ۋە كۈتىدىغان ئورۇن.

دوختۇرلۇق

  • دوختۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېببىي بىلىملەرنى ئىگىلەش ۋە كېسەل داۋالاش ئىشى، كەسپى.

دودەن

  • دودەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئۆكتەم، زوراۋان؛ جاھىل، تەرسا، كاج:[مىسال:] دودەن بالا. دودەن ئادەم.

دودەنلەشتۈرمەك

  • دودەنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «دودەنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىلىقىز ئوغلىنى زىيادە پەپىلەپ چوڭ قىلىپ بەكلا دودەنلەشتۈرۈپ قويدى.

دودەنلەشمەك

  • دودەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جاھىل، تەرسا، كاج ھالەتكە كەلمەك، ئۆكتەملەشمەك، زوراۋانلاشماق:[مىسال:] ئەمەت مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا دودەنلىشىپ كەتتى.

دودەنلىك

  • دودەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆكتەملىك، ئۇششۇقلۇق، تەرسالىق:[مىسال:] دودەنلىك قىلماق.

دودىلانماق

  • دودىلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇيى تۇتماق، خۇيلانماق، باتنىماق.

دور

  • دور[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نۆۋەت، قېتىم، رەت:[مىسال:] ماجاڭ دېگەن مېڭىنى بەك چارچىتىدىغان نەرسە، سىزمۇ ئوخشىتىپ 12 دور ئويناپسىز-دە، دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

دورا

  • دورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان مادددا:[مىسال:] دورا ئىچمەك. دورا قايناتماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەردكە دەرمان بولىدىغان، غەم-غۇسسىلەرنى يوقىتىدىغان نەرسە؛ داۋا:[مىسال:] كەمبەغەلنىڭ چېيى چىشقا دورا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن، مەست قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىچىملىك، مۇسەللەس:[مىسال:] ئاۋاتتا ئۈزۈمدىن دورا قايناتمايدىغان ئائىلە يوق دېيەرلىك.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] پارتلاتقۇچ ماددا:[مىسال:] مىلتىق دورىسى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] زىيانلىق ھاشاراتلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خىمىيىۋى ماددا:[مىسال:] چاشقان دورىسى.

دوراتماق

  • دوراتماق[يەشمىسى:] «دورىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇتقۇچى ياسىنغا قۇشقاچنىڭ سايرىشىنى دورىتىپ كۆردى. ياسىن دورىدى. ئوقۇتقۇچى رازى بولۇپ، دەپتىرىگە نېمىنىدۇر خاتىرىلىدى.

دورا-دەرمان

  • دورا-دەرمان[يەشمىسى:] ھەرخىل پىششىق ۋە خام دورىلار:[مىسال:] ياز ۋە كۈز كۈنلىرى بۇ يەرلەردە يۈرگەن كىشى ئۆزىنى گوياكى ئېسىل دورا-دەرمانلار دۇكىنىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى.

دورا-دەرمەك

  • دورا-دەرمەك[يەشمىسى:] سەي-تاماقلارغا تەم كىرگۈزۈشتە ئىشلىتىلىدىغان (ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن، زىرە ۋە زەنجىۋىل قاتارلىق) نەرسىلەر.

دوراشماق

  • دوراشماق[يەشمىسى:] «دورىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار يەنە بىر-بىرىنى دورىشىپ، ئەرچە كىيىنىشنى توختاتماپتۇ.

دورام

  • دورام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوراش ئىشى، دوراش ھەرىكىتى.

دورامچۇق

  • دورامچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «دورامچى»غا قاراڭ:[مىسال:] دورامچۇق قىز. دورامچۇق قۇشقاچ. * دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق (ماقال).

دورامچۇقلۇق

  • دورامچۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «دورامچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] بىزنىڭ بالىمىزمۇ ئۇلارنى دورىسا ئەپلەشمەيدۇ. قويۇڭلار ئۇنداق دورامچۇقلۇقنى، دېدىم مەن خوتۇنۇم گېپىنى تۈگەتكەندە.

دورامچى

  • دورامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى دورىغۇچى، دوراش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم.

دورامچىلىق

  • دورامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوراش بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرىكىتى، قىلىقى، دورامچۇقلۇق:[مىسال:] دورامچىلىق قىلماق. * دورامچىلىق — تۇتى قۇشنىڭ تۈپ خىسلىتى، خىسلەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نەس ئىللىتى.

دورە

  • دورە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەرلىك توقۇمىچىلىقتا ئۆرۈش يىپلىرىنى بىر لۆتتىن قىلىپ يۆگەيدىغان تۆت قاناتلىق چاقسىمان ياغاچ سايمان.

دورەم

  • دورەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېتىم، نۆۋەت رەت:[مىسال:] ھەر دورەم. كېلەر دورەم.

دورەمقى

  • دورەمقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۆۋەتتىكى، قېتىمقى:[مىسال:] بۇ دورەمقى ئىشىڭ تازا ياخشى بولمىدى.

دورداي

  • دورداي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆتۈرۈلۈپ چىققان، قېلىن، توم؛ ساڭگىلاپ تۇرىدىغان:[مىسال:] دورداي كالپۇك.

دوردايتماق

  • دوردايتماق[يەشمىسى:] «دوردايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] غالىب ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا، قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، كالپۇكلىرىنى دوردايتىپ، خۇددى ھازىرلا سوقۇشىدىغاندەك قىلىق قىلاتتى.

دوردايتىشماق

  • دوردايتىشماق[يەشمىسى:] «دوردايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كالپۇكلىرىنى دوردايتىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.

دوردايماق

  • دوردايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىششىپ، كۆتۈرۈلۈپ چىقماق؛ تومپىيىپ، يوغىنىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كالاچتەك ئېغىزى ئەتراپىدىكى قېلىن كالپۇكى تېخىمۇ دوردىيىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ھازىرلا يىغلىۋېتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى.

دورغا

  • دورغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭ تەرىپىدىن بىر يېزىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا بەلگىلەنگەن ئەمەلدار:[مىسال:] شۇ ئارىدا، سالى دورغا بىلەن قاسىم پالۋان ھويلىدىن چىقىپ، مېھمانلارنى قارشى ئالدى، [يەشمىسى:] ② كونا جەمئىيەتتە ۋە بەزى ئەمەلدارلارنىڭ يۈگۈر-يېتىم خىزمىتىنى قىلىدىغان خىزمەتچى:[مىسال:] يامۇلنىڭ بەش دورغىسى ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ ھارۋىغا تاشلىغانچە ئاچىقىپ كەتتى.

دورغىلىق

  • دورغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دورغىلارغا بېرىلگەن ئەمەل، ھوقۇق، ۋەزىپە:[مىسال:] تۆمۈر خەلپە يېغىلىقىدىن كېيىن، شوپۇللۇقلاردىن بوسۇق دورغىنىڭ ئوغلى سالى دېگەن كىشى بۇ يۇرتنىڭ دورغىلىقىغا بەلگىلەندى.[يەشمىسى:] ② دورغىلارغا خاس ئالاھىدىلىك، خاراكتېر، قىلىق، ئادەت.

دورىپۇرۇش

  • دورىپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دورا-دەرمان سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم.

دورىپۇرۇشلۇق

  • دورىپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دورا-دەرمان سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئانام ئوقۇتقۇچىلىق، دادام دورىپۇرۇشلۇق قىلىدۇ.

دورىخانا

  • دورىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] دورا ياسايدىغان، ساقلايدىغان ۋە ساتىدىغان جاي، ئورۇن، ئاپتىكا:[مىسال:] مەريەمخان ئورنىدىن تۇرۇپ، دوختۇرغا رەھمەت ئېيتتى-دە، دورىخانىدىن دورىنى ئېلىپ، ئەركىننى يېتىلەپ چىقىپ كەتتى.

دورىشۇناس

  • دورىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] دورىلارنىڭ ئورگانىزم ئىچىدە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشى، ئورگانىزملارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پرىنسىپلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغۇچى ئادەم، مۇتەخەسسىس.

دورىشۇناسلىق

  • دورىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دورىلارنىڭ ئورگانىزم ئىچىدە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشى، ئورگانىزملارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پرىنسىپلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن، ئىلىم.

دورىگەر

  • دورىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ① فارماكوپىيە ۋە رېتسىپقا ئاساسەن دورا تەييارلايدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② دوختۇرخانىلاردا، دوختۇرنىڭ يېزىپ بەرگەن رېتسېپىغا ئاساسەن دورا بېرىدىغان كىشى.

دورىگەرلىك

  • دورىگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دورا ياساش ۋە دورا بېرىش ياكى سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئەنجۈر-مەشھۇر مېۋە بولۇپلا قالماستىن، تېببىي دورىگەرلىك ئىلمىدە ئاجايىپ شىپالىق دورا ئىكەنلىكى بىلەنمۇ مەشھۇر.

دورىلاتماق

  • دورىلاتماق[يەشمىسى:] «دورىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايزىمخان ئۆيگە كەلگەندە، يولدىشى ئاللىقاچان ئالمىلىقنى دورىلاتقىلى كەتكەنىدى.

دورىلاشماق

  • دورىلاشماق[يەشمىسى:] «دورىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دورىلانماق

  • دورىلانماق[يەشمىسى:] «دورىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پۈتۈن ئورمانلار دورىلىنىپ بولدى.

دورىلىق

  • دورىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دورا بولۇش، دورا ئورنىدا ئىشلىتىش؛ دورىغا خاس ئالاھىدىلىك:[مىسال:] ئۇ يەردە دورىلىق ئۈچۈن بىر مىسقال ئادەم گۆشىنى مىڭ تىللاغا ئالىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دورا ياساشقا بولىدىغان ياكى دورا ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان:[مىسال:] تولدۇرۇپ ئېتىكىنى گۈل-چېچەككە، باشلىغان يەنە يېڭى تەتقىقاتنى. دورىلىق ئوت-گىياھدىن نۇسخا تاللاپ، قويغان ھەربىر خىلغا لايىق ئاتنى.

دورىلىماق

  • دورىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دورا سەپمەك، دورا پۈركۈمەك، دورا چاچماق:[مىسال:] دېھقانچىلىقتا يەرگە ئىشلەش، ئۇرۇق تاللاش، دورىلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تېخنىكىلىق تەلەپكە لايىق ئىشلەش لازىم.[يەشمىسى:] ② دورا سۈرمەك، چاپلىماق، دورا بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلماق:[مىسال:] سېسترا بالىنىڭ پۇتىدىكى يارىنى دورىلاپ داكا بىلەن يەنە تېڭىپ قويدى.

دورىماق

  • دورىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشقىلار نېمە قىلسا شۇنى قىلىپ باقماق، تەقلىد قىلماق:[مىسال:] تىلىڭ كەلمىسە دورىما، خۇشۇڭ كەلمىسە سورىما (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرىنىڭ بىرەر ئىش ياكى مىجەز-خۇلقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەك، شۇنىڭ ئىزىدىن ماڭماق:[مىسال:] ئوغۇل ئاتىنى دورايدۇ، قىز ئانىنى (ماقال).[يەشمىسى:] ③ بىرىنىڭ بىرەر ئىش ھەرىكىتىنى مازاق قىلىپ كۆرسىتىپ كەمسىتمەك، مەسخىرە قىلماق، زاڭلىق قىلماق:[مىسال:] ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ مېڭىشىنى زاڭلىق قىلىپ، دوراپ كۆرسىتىۋاتاتتى.

دوزاخ

  • دوزاخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي ئېتىقاد بويىچە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر، يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈ ئازاب چېكىدىغان جاي، جەھەننەم:[مىسال:] دوست ئايرىغان دوزاخ تۈۋىدە (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاراڭغۇ ھەم ئېچىنىشلىق تۇرمۇش مۇھىتى:[مىسال:] ئۇ: ئاۋۋال بۇ دوزاختىن كېتىۋالايلى، يولدا ماڭغۇچە ھەممىنى دەپ بېرىمەن، دېدى.

دوزىخىي

  • دوزىخىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دوزاخقا لايىق، دوزاخقا كىرىشكە تېگىشلىك؛ ئەسكى، يامان:[مىسال:] دېگەنلىرىنى ئورۇندىمىسام دوزىخىي بولۇپ كېتەي، دېدى ھاشىم.

دوژنا

  • دوژنا[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ 12 دىن قىلىنغان ھەربىر توپى:[مىسال:] بىر دوژنا قەلەم. بىر دوژنا پايپاق.[يەشمىسى:] ② توپ:[مىسال:] ئۈستى ئالتۇن تاغ، ئاستى كۈمۈش باغ، يۇرتداش دېسەڭ ئەتراپىدا پەۋەس، ئەل-ئاغىنە دېسەڭمۇ دوژنىسى بىلەن تېپىلىدۇ، دېدى تۇراپ شەمەرنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.

دوست

  • دوست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆزىگە نىسبەتەن كۆڭلى يېقىن، قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىغان ئادەم؛ ئاغىنە، بۇرادەر:[مىسال:] ھەقىقىي دوست. * مېھرىبان دوست.* دوست باشقا قارار، دۈشمەن ئاياغقا (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەرەپدار، ھامىي:[مىسال:] دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز.[يەشمىسى:] ③ ئاشنا، يار:[مىسال:] جان دوستۇم جېنىم دوستۇم، ئايىمخان مېنىڭ دوستۇم. ئايىمخان ئۆلۈپ كەتسە، كىم بولۇر مېنىڭ دوستۇم.

دوستانە

  • دوستانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دوستلارچە، دوستلاردەك، دوستلارغا ئوخشاش:[مىسال:] دوستانە زىياپەت. دوستانە مەسلىھەت.

دوستانىلىك

  • دوستانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوستلارچە، دوستلارغا خاس مۇئامىلە:[مىسال:] ئالدىنقى يىلى ئۇ تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغاندا، بۇ ئادەم قىزغىن دوستانىلىك كۆرسەتكەنىدى.

دوست-ئاغىنە

  • دوست-ئاغىنە[يەشمىسى:] دوست ۋە ئاغىنە:[مىسال:] ئۇ مەكتەپكە كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ۋە دوست-ئاغىنىلىرىگە ئۆز ئەھۋالى توغرۇلۇق خەت يېزىۋەتتى.

دوست-بۇرادەر

  • دوست-بۇرادەر[يەشمىسى:] دوست-بۇرادەر:[مىسال:] ئىككى دوست قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بۇرۇنقى دوست-بۇرادەرلىرى يۈرىكى يېرىلغۇدەك خۇشال بولۇشۇپ، كۆپ ئۆتمەيلا تاشۋاينى ئىزلەپ تېپىشتى.

دوست-دۈشمەن

  • دوست-دۈشمەن[يەشمىسى:] دوست ۋە دۈشمەن:[مىسال:] «دوست-دۈشمەنلەر ئالدىدا ئوغلۇمنى چىرايلىق ياتقۇزۇۋالسام» دەپ ئويلىدى مەشھۇر.

دوستلارچە

  • دوستلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دوستلارغا ئوخشاش، دوستلاردەك، دوستانە:[مىسال:] دوستلارچە ياردەم. دوستلارچە كەيپىيات.

دوستلاشتۇرماق

  • دوستلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «دوستلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سوۋېت دىپلوماتلىرى دەرھال ئىشقا چۈشۈپ، شىڭ شىسەي بىلەن خوجىنىياز ھاجىنى دوستلاشتۇرۇپ قويدى.

دوستلاشتۇرۇلماق

  • دوستلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «دوستلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دوستلاشماق

  • دوستلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتماق، دوست بولماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ بىز شائىر مۇتەللىپ بىلەن دوستلىشىپ كەتتۇق.

دوستلۇق

  • دوستلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوستلارغا خاس مۇئامىلە، مۇناسىۋەت، دوستانە ئالاقە:[مىسال:] ئۇلار قۇمۇللۇق كىشىنىڭ بىلىمىگە قايىل بولۇشتى ۋە مۇشۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

دوست-يار

  • دوست-يار[يەشمىسى:] ئەل-ئاغىنە، دوست-بۇرادەر:[مىسال:] ئاڭغىچە كۈنمۇ پېتىپ، سۇپىتاينىڭ قولۇم-قوشنا، دوست-يار، بۇرادەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى.

دوست-يارەن

  • دوست-يارەن[يەشمىسى:] «دوست-يار»غا قاراڭ:[مىسال:] سابىق جەڭچى يېڭى قوراللارنى ئۆزىگە يېقىن تونۇش ئەسرالىرى ۋە ئىشەنچلىك دوست-يارەنلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئەكىلىپ قويغانىدى.

دوسكا

  • دوسكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] خەت يېزىشقا ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان، قارا ۋە باشقا رەڭدە سىرلانغان تاختا ئەينەك ياكى تامدىن چىقىرىلغان سىيلىق يۈزلۈك قۇرۇلما:[مىسال:] قارا دوسكا.

دوشاپⅠ

  • دوشاپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاۋۇز ئۇرۇقى.

دوشاپⅡ

  • دوشاپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېرە ئاشلايدىغان ئاش.

دوغ

  • دوغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] دوغاپ:[مىسال:] مۇزدەك دوغدىن بىر چىنىدىن ئىچمەيلىمۇ، دېدى ئۇ دوغاپچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پېشىمدىن تارتىپ.

دوغا

  • دوغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خادىك ھارۋىنىڭ شوتا بېشىغا ئورنىتىلىدىغان، تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسىلىدىغان يايسىمان جابدۇق.

دوغاپ

  • دوغاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بەلگىلىك مىقداردىكى مۇز بىلەن قېتىقنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇدا ئېرىتىپ تەييارلىنىدىغان سوغۇق ئىچىملىك.[يەشمىسى:] ② سۇيۇق لاي، لايقا:[مىسال:] ئۆمۈر ئېقىپ، ئېقىن سۇدەك كېتەر ھەرقاچان، بەزى سۈزۈك، بەزى دوغاپ، ھەتتا بەك قىيان.

دوغاپچى

  • دوغاپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوغاپ ئېتىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

دوغاپچىلىق

  • دوغاپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوغاپ ئېتىش ۋە سېتىش ئىشى:[مىسال:] دوغاپچىلىق قىلماق. دوغاپچىلىق دۇكىنى ئاچماق.

دوغداق

  • دوغداق[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئەترىتى. بۇ ئەترەتتىكى قۇشلارنىڭ بېشى كىچىك، بوينى ئۇزۇن، دۈمبىسى تۈز، قۇيرۇقى قىسقا بولۇپ، ئۇچالمايدۇ؛ پەقەت سۇ كېچەلەيدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساڭگىلىماي تىك تۇرىدىغان، دىقماق:[مىسال:] دوغداق قۇيرۇق.

دوغدايتماق

  • دوغدايتماق[يەشمىسى:] «دوغدايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دوغدايماق

  • دوغدايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۈمبىسىنى چىقىرىپ، پۇت-قولىنى يىغىپ تۈگۈلۈۋالماق، دۈگدەيمەك:[مىسال:] ئىشىك ئېچىلمىغاچقا دوغدىيىپ ساقلاپ تۇرۇش ئېغىر كەلدى-دە، قانداق كېتىپ قالدىم.

دوغدىيىشماق

  • دوغدىيىشماق[يەشمىسى:] «دوغدايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دوغىلاق

  • دوغىلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاكار ھەم سېمىز، دىقماق:[مىسال:] دەرۋازىنى خېلى ئۇرغىنىمدىن كېيىن 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان دوغىلاق، قارامتۇل، سوزۇق يۈزلۈك بىر كىشى چقتى. ∥ كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقان ھالدا دوغىلاقتىن:[مىسال:] بۇ قىز كىم بولىدۇ دەپ سورايدۇ.

دوقⅠ

  • دوقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورقۇتۇش يۈزىسىدىن ئېيتىلغان سۆز، قىلىنىدىغان ھەرىكەت؛ سىياسەت:[مىسال:] دوق قىلماق.

دوقⅡ

  • دوقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ يەنە بىرنەرسىگە ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] قاراڭغۇدا «دوق» قىلىپ تامغا ئۈسسۈۋالغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى.

دوقا

  • دوقا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشنىڭ ئارقا قىسمى ياكى پېشانە تەرىپىدىكى دۆڭ يېرى:[مىسال:] ئۇنىڭ مەڭزى قىزىرىپ ئىششىغان، پېشانىسىنىڭ دوقىسى كۆكىرىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر قىسمى ئەسلىي دائىرىدىن بىرئاز چىقىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] دوقا چاق. دوقا ماڭلاي.

دوقاق

  • دوقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گۈرۈچ، ماش قاتارلىقلارنىڭ پوستى:[مىسال:] ئېكەككە دوقاقنى كەلتۈرۈپتۇ (ماقال).

دوقال

  • دوقال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىيىن ئۆتكەل، قىيىن پەيت؛ توسالغۇ، خەتەر:[مىسال:] بىراق، بىر دوقالنى تازىلىۋەتمەي بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ، دېدى ئۆمەر باي.[يەشمىسى:] ② دائىم بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرى:[مىسال:] بۇ گۈزەل بېغىمنىڭ گۈل-چېچىكىنى جۇدۇنلۇق دوقاللار سۇندۇرالمىدى.

دوقچى

  • دوقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، دوق قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] دوقنى بىلمەس ئەر ئىدىم، دوقچى قىلدىڭ سەن ئۆزۈڭ

دوق-دوق

  • دوق-دوق[يەشمىسى:] «دوقⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئاچچىقىغا پايلىمىغان قۇربان ئايالىنىڭ چېچىدىن تۇتتى-دە، تامغا «دوق-دوق» ئۈستۈرۈشكە باشلىدى.

دوقمۇش

  • دوقمۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يولنىڭ مەلۇم لىنىيە بويىچە ئېگىلگەن، بۇرالغان جايى؛ جەينەك:[مىسال:] دوقمۇشقا كەلمەك. دوقمۇشتا تۇرماق.

دوقمۇش-دوقمۇش

  • دوقمۇش-دوقمۇش[يەشمىسى:] نۇرغۇن دوقمۇش، ھەربىر دوقمۇش:[مىسال:] ئەتىسى يوغان تۆت بۇرجەكلىك قىزىل تامغا بېسىلغان ئېلان قەغەزلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دوقمۇش-دوقمۇشلىرىغا چاپلىنىپ كەتتى.

دوقۇرماق

  • دوقۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ ئىزدەپ بارماق:[مىسال:] ئۇ يەنە قوپۇپ ماڭماقچى بولدى، لېكىن قايسى كوچىغا دوقۇرۇشنى بىلمەيتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەرەپ-تەرەپتە تەمتىرىمەك:[مىسال:] ھاشىم ئاكام كەچكىچە دوقۇرۇپ يۈرۈپ بېلەت ئالالمىدى.

دوقۇرۇشماق

  • دوقۇرۇشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «دوقۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا دوقۇرۇشتى.[يەشمىسى:] ② ئۇچرىشىپ، توغرا كېلىپ، دۇچ كېلىپ قالماق:[مىسال:] ئۇ كىمنىدۇر قارغاپ، ئاچچىق قىلىپ كېتىۋېتىپ، ئالدىدىكى كىشىگە دوقۇرۇشۇپ قالغاندىلا بېشىنى كۆتۈردى.[يەشمىسى:] ③ توقۇنۇشۇپ، تۇتۇشۇپ قالماق:[مىسال:] مىللىي ئارمىيىدىن ئەجەللىك زەربىلەرنى يەپ، قان يۇتۇپ قاچقان قۇيرۇقچىلار نېرىقى تاغنىڭ تازا يامان بىر يېرىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ رازۋېدكا ئىسكادىرونى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالماق، بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرمەك:[مىسال:] كامىللار ھەر ئىككىلا نەزىرنىڭ بىر كۈنگە دوقۇرۇشۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزلىرى زاكىرجاندىن بىركۈن كېيىن ئۆتكۈزمەكچى بولدى.

دوقۇسلاتماق

  • دوقۇسلاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دوققىدە تەگكۈزۈپ سىلكىتمەك، نوقىماق، نىقتىماق:[مىسال:] باشلىق بىگىز قولى بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا دوقۇسلاتتى.

دوقۇلداتماق

  • دوقۇلداتماق[يەشمىسى:] «دوقۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دوقۇلداشماق

  • دوقۇلداشماق[يەشمىسى:] «دوقۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دوقۇلدىماق

  • دوقۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دوق-دوق» قىلغان ئاۋاز چىقماق، «دوق-دوق» قىلماق.

دوكⅠ

  • دوكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بېلىنىڭ يۇقىرىسى ئالدىغا ئېگىلگەن، ساغرىسى ئارقىغا چىققان دۈمچەك:[مىسال:] ئارۇپ ئاكام قېرىپ كېتىپتۇ، مۈكچىيىپ، غوللىرى دوك ئادەمگە ئوخشاش ئۆسۈپ چىقىپتۇ. ∥دوك گۆرگە كىرگەندە تۈزىلەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② دوكقا ئوخشاش ئېگىلگەن، دوكقا ئوخشاش (نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] دوك ئوق.

دوك ئوق

  • دوك ئوق[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ماشىنىلارنىڭ تەكرار ھەرىكىتىنى ئايلانما ھەرىكەتكە ياكى ئايلانما ھەرىكىتىنى تەكرار ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئوق. ئۇنىڭ بىر ياكى بىرنەچچە دانە ئەگرى دەستىسى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ دىزېل ۋە بېنزىن دۋىگاتېللىرىنىڭ مۇھىم دېتالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دوكⅡ

  • دوكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئاياغنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇشى ۋە قاتتىق نەرسىلەرنىڭ تېگىشىدىن چىققان بوغۇق ئاۋاز.

دوكار

  • دوكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ساھەدە چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان؛ پۇلى بار، پۇلدار؛ باي:[مىسال:] قەشقەرنىڭ دوكار سودىگەرلىرىدىن بىرى بولغان نۇرئاخۇن بايۋەچچە كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يىگىتنى ئۆزى بىلەن بىللە تىجارەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

دوكپايە

  • دوكپايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈرچى، تاقىچىلار ئىشلىتىدىغان بىرخىل سەندەل. «مىخ سەندەل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

دوكتور

  • دوكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئىلمىي ئۇنۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ياكى شۇ دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئالىم.

دوكتورلۇق

  • دوكتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوكتورلار ئېرىشىدىغان ئىلمىيئۇنۋان.

دوكلات

  • دوكلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر تېمىدا كۆپچىلىك ئالدىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق، سۆز ۋە شۇ نۇتۇقنىڭ يازما تېكىستى:[مىسال:] دوكلات بەرمەك. دوكلات قىلماق. دوكلات ئاڭلىماق.[يەشمىسى:] ② رەھبىرىي ئورگانلارغا ياكى باشلىققا ئاغزاكى ۋە ياكى يازما ھالەتتە بېرىلگەن مەلۇمات، ئاخبارات:[مىسال:] يازما دوكلات.

دوكلاتچى

  • دوكلاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىغىن ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا بىرەر تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگۈچى ۋە ياكى سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگۈچى كىشى.

دوكۇر

  • دوكۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] خوراز ۋە قىرغاۋۇللارنىڭ پاچىقىدىكى مۈڭگۈزسىمان ئۆسۈك.

دوكۇلداتماق

  • دوكۇلداتماق[يەشمىسى:] «دوكۇلدىماق» پېئلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گۈلئايشەمنىڭ شوخ يۈرىكى كۆكرەك قەپىسىنى دوكۇلدىتىپ ھاياجانلىرىنى سىرتىغا چىقىرىپ قويۇۋاتقاندەك بىلىنمەكتە.

دوكۇلدىماق

  • دوكۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دوك-دوك»[يەشمىسى:] قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دوك-دوك» قىلماق:[مىسال:] باقى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھېچ تەرەپكە قارىماي دوكۇلداپ كىرىپ كەتتى.

دوگما

  • دوگما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] كونكرېت شارائىتقا تەتبىق قىلماي، قارىغۇلارچە يولغا قويۇلغان ياكى قوبۇل قىلىنغان قانۇن-تۈزۈم، قائىدە؛ پىكىر، ئەقىدە.

دوگماتىك

  • دوگماتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] دوگمىچىلىققا ۋە دوگما ئەقىدىلەرگە ئاساسلانغان.

دوگمىچى

  • دوگمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوگمىچىلىققا ۋە دوگما ئەقىدىلەرگە ئاساسلىنىدىغان ۋەچوقۇنىدىغان كىشى.

دوگمىچىلىق

  • دوگمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] سوبيېكتىپچىلىقنىڭ بىرخىل ئىپادە شەكلى. ئۇ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلماي ھەمدە شەيئىلەر زىددىيىتىنىڭ خاسلىقىنى تەتقىق قىلماي، پەقەت تەييار تەرتىپ ۋە ئىبارىلەرنى ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

دوڭⅠ

  • دوڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق بىرنەرسە يەنە بىرنەرسىگە ئۇرۇلغاندا ياكى تەگكەندە چىققان ئاۋاز:[مىسال:] تۇيۇقسىز «دوڭ» قىلغان ئاۋاز ھەممىمىزنى چۆچۈتۈۋەتتى.

دوڭⅡ

  • دوڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋيېتنامنىڭ پۇل بىرلىكى.

دوڭ-دوڭ

  • دوڭ-دوڭ[يەشمىسى:] «دوڭⅠ»[يەشمىسى:] سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] تالادىكى «دوڭ-دوڭ» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالغان بالا دەرھال سىرتقا يۈگۈردى.

دوڭغاس

  • دوڭغاس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىر پۇتى قىسقا ئادەمنىڭ ماڭغان ۋاقتىدىكى پاچاقتىن يۇقىرى، بەلدىن تۆۋەن قىسمىنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇرۇش ھالىتى.

دوڭغاسلاشماق

  • دوڭغاسلاشماق[يەشمىسى:] «دوڭغاسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دوڭغاسلىماق

  • دوڭغاسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەدىنىنىڭ پاچاقتىن يۇقىرى، بەلدىن تۆۋەن قىسمىنى بىر كۆتۈرۈپ، بىر پەسەيتىپ ماڭماڭ:[مىسال:] ئۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ، دوڭغاسلاپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.

دوڭغاق

  • دوڭغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بېلىنىڭ ئۈستى ئالدىغا، ئاستى كەينىگە ئېگىلگەن، دوڭغايغان ياكى دوڭغىيىپ ماڭىدىغان:[مىسال:] دوڭغاق خوتۇن.[يەشمىسى:] ② غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى يەرگە قاراپ ئېگىلگەن، دوڭغايغان:[مىسال:] دوڭغاق ئۈجمە.

دوڭغاقلاتماق

  • دوڭغاقلاتماق[يەشمىسى:] «دوڭغاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ كۆزى ھامان ئوغلىدا ئىدى. ئوغلى ئورنىدىن تۇردى-دە، ۋېلىسىپىتنى دوڭغاقلىتىپ تالاغا ماڭدى.

دوڭغاقلىماق

  • دوڭغاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دوڭغىيىپ ئاقساپ ماڭماق:[مىسال:] بۈۋى تالادىن كىرىپ دوڭغاقلاپ ماڭغىنىچە بېلىگە مۇشتلايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇشامەت قىلماق:[مىسال:] دادا، سىز قاسىم خالۋاپقا نېمانچە دوڭغاقلايسىز، چوڭ بولسا بىر دۈيجاڭغۇ

دوڭغالچاق

  • دوڭغالچاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارقا ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆرۈپ، تېپىچەكلەش ھالىتى:[مىسال:] تاي دوڭغالچاق ئاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېگىلىپ بىر تەرىپى جەينەكسىمان چىقىپ قالغان:[مىسال:] دوڭغالچاق جىگدە. دوڭغالچاق ئامۇت.

دوڭغالچاقلىماق

  • دوڭغالچاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارقا ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تېپچەكلىمەك، سۆڭگىچىنى ھەر تەرەپكە ئىرغاڭلاتماق، ئۇيان-بۇيان ئاغماق (ئات، كالا، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] ھارۋىغا كۆندۈرۈلمىگەن ئات دوڭغالچاقلاپ ھارۋىغا زادىلا يېقىن كەلمىدى.

دوڭغايتماق

  • دوڭغايتماق[يەشمىسى:] ① «دوڭغايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پاتەمخان ئۇلارنىڭ بىرقانچىسىنى ئېرىقنىڭ قېرىغا چىقىرىپ دوڭغايتتى.[يەشمىسى:] ② ئۈست، يۇقىرى تەرىپىنى تۆۋەنگە قاراتماق، دۈملىمەك:[مىسال:] ئۇ تۇڭنى دوڭغايتىپ ئاستىغا قارىغانىدى، يوغان بىر تۆشۈك كۆرۈندى.

دوڭغايتىلماق

  • دوڭغايتىلماق[يەشمىسى:] «دوڭغايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باك دوڭغايتىلىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، تېشىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

دوڭغايماق

  • دوڭغايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بېلىنى ئېگىپ بېشىنى ئالدى تەرىپىگە پەسلەتمەك، ئېڭىشمەك:[مىسال:] ئولتۇرار، چىرايلار زاۋال مەزگىلى، پىلدىرلاپ غەم چاچقان كۆزلەر ئارمانسىز.... تۇرىدۇ ياش شائىر كۆپنىڭ ئالدىدا دوڭغىيىپ، تىترەپ ماغدۇرسىز پۇتى.

دوڭغىيىشماق

  • دوڭغىيىشماق[يەشمىسى:] «دوڭغايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دوڭگۇر

  • دوڭگۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بارابان قاتارلىقلارنى ئېگىز-پەس ئۇرۇشتىن چىققان ئاۋاز.

دوڭگۇر-دوڭگۇر

  • دوڭگۇر-دوڭگۇر[يەشمىسى:] «دوڭگۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] دوڭگۇر-دوڭگۇر قىلىۋاتقان نېمە ئۇ، دەپ سورىدى ۋاڭ يېرىم كېچە بولغاندا يېنىدىكى تەيجىسىدىن.

دوڭىلداتماق

  • دوڭىلداتماق[يەشمىسى:] «دوڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رېھىم پالۋان ھويلا ئىشىكىنى دوڭىلدىتىپ قېقىپ تۇرۇپ توۋلىدى.

دوڭىلدىماق

  • دوڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دوڭ» قىلغان ئاۋاز چىقماق، «دوڭ» قىلماق:[مىسال:] بىرپەستىن كېيىن ئىشىك دوڭىلدىدى.

دولا

  • دولا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەمنىڭ بىلىكىنىڭ يۇقىرىسىدىكى بويۇنغا تۇتاشقان ئىككى تەكشى جايى:[مىسال:] ئۇنىڭ دولىسى سەل پەس ئىدى.[يەشمىسى:] ② ھايۋاننىڭ ئالدى پۇتىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى گۈرجەك سۆڭەك بار قىسمى:[مىسال:] تورپاق يەنە سەكرىدى، ئۈستىدىكى توقۇم ئۇنىڭ دولىسىغا كېلىپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ كېيىمنىڭ ياقىغا تۇتاش ئىككى ياندىكى قىسمى:[مىسال:] بۇ كۆڭلەكنىڭ دولىسى بىرئاز كەڭ بولۇپ قاپتۇ.

دولا چىقارماق

  • دولا چىقارماق[يەشمىسى:] نارازى بولماق، قارشى تۇرماق؛ ئېتىراز بىلدۈرمەك:[مىسال:] ئۆز يۇرتىدا، ئۆز ئۆيىدە كىچىككىنە بىر ئىشلار ئۈچۈن دولىسىنى چىقىرىپ قوپىدىغان، يىگىت ئىدى.

دولىسىنى قاقماق

  • دولىسىنى قاقماق[يەشمىسى:] «يارايسەن»، «قىلغان ئىشىڭ بولىدۇ»، «مەن قوللايمەن» دېگەن ئىشارىنى بىلدۈرمەك:[مىسال:] ساقچى ھوقۇقدارى ئايتىللانىڭ چېچىنى سىلاپ قويدى، شۇم نىيەت بىلەن دولىسىنى بىرنەچچە قېتىم يۇمشاق-يۇمشاق قاقتى.

دولانا

  • دولانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تۇخۇمغا ئوخشاشراق بولۇپ، ئۈچتىن بەشكىچە يېرىلىدۇ؛ گۈلى ئاق، مېۋىسى شار شەكلىدە، توق قىزىل كېلىدۇ؛ يۈزىدە ئۇششاق سەپكۈنلىرى بولىدۇ. تەمى چۈچۈمەل، ئىستېمال قىلىشقا ياكى دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

دولقۇن

  • دولقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دېڭىز-ئوكيان، كۆل سۇلىرىدا پەيدا بولىدىغان كۈچلۈك چايقاق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تەۋرىنىشنىڭ جىسىمدىكى تارقىلىشى. ئۇ جىسىمنىڭ ماددىي نۇقتىسىنىڭ تەۋرىنىشىدۇر. دولقۇن پەقەت ھەرىكەتنىڭ بىر خىل تارقىلىش شەكلى بولۇپ، ماددىي نۇقتىنىڭ ئۆزى دولقۇنغا ئەگىشىپ ئىلگىرىلىمەيدۇ. مەسىلەن، ئاۋاز دولقۇنى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى ھەرىكەت:[مىسال:] ئىنقىلاب دولقۇنى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچكى كەچۈرمىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى:[مىسال:] قەلب دولقۇنى.[يەشمىسى:] ⑤ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

دولقۇنسىمان

  • دولقۇنسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر ئۆرلەپ بىر پەسىيىدىغان، ئۆرلەپ پەسىيىپ تۇرىدىغان، دولقۇنغا ئوخشاش، دولقۇن شەكلىدە:[مىسال:] دولقۇنسىمان تاغلار. دولقۇنسىمان قىزىتما. * جەمئىيەت دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلىدۇ.

دولقۇنلاتماق

  • دولقۇنلاتماق[يەشمىسى:] «دولقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىيازنىڭ قاتتىق بورىنى دېڭىز سۈيىنى دولقۇنلاتتى.

دولقۇنلاشماق

  • دولقۇنلاشماق[يەشمىسى:] «دولقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دېڭىز ئوخشاش مايسىلار، دولقۇنلىشار يەلپۈنۈپ. ئورتاقچىلار ياراشقان، گويا قىزىل گۈل بولۇپ.

دولقۇنلانماق

  • دولقۇنلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دولقۇنلۇق ھەرىكەتكە كەلمەك، دولقۇنلىماق:[مىسال:] دولقۇنلىنىپ ئاققان دەريا سۈيى ئۇنىڭ يولىنى توستى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھاياجانلانماق؛ جۇش ئۇرماق:[مىسال:] ئاسىيەنىڭ قەلبى ئاستا-ئاستا ياشلىق باھارىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن دولقۇنلىنىشقا باشلىدى.

دولقۇنلۇق

  • دولقۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دولقۇنى بار، دولقۇنلاپ تۇرىدىغان:[مىسال:] دولقۇنلۇق دەريا.[يەشمىسى:] ② دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان، جاراڭلىق، ياڭراق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋازى دولقۇنلۇق ئىدى.

دولقۇنلىماق

  • دولقۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دولقۇن ھاسىل بولماق، تىنىمسىز ئۆركەشلىمەك، مەۋج ئۇرماق:[مىسال:] دېڭىز سۇلىرى دولقۇنلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۇش ئۇرماق، ئۇرغۇماق:[مىسال:] ئۈچ رومكا ھاراقتىن كېيىن باسىتنىڭ قانلىرى دولقۇنلاپ، كۆزلىرى ئىلەشتى.

دوللار

  • دوللار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، باھاما، برۇنېي، بىلېز، ئاۋستىرىيە، تانزانىيە، زىمبابۈۋى، فىجى، سىنگاپور، سۇمالى، ئوگاندا، كېنىيە، كانادا، لىبېرىيە، ناۋرۇ، يامايكا، يېڭى زىللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.

دولومىت

  • دولومىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. سىرتقى كۆرۈنۈشى يىرىك ياكى ئۇششاق شېغىللار ئارىلاش كەلگەن تاش پارچىلىرىغا ئوخشايدۇ. رەڭگى ئاساسەن كۈل رەڭ ياكى ئاق كېلىدۇ، يېنىك ۋە ئەينەك پارقىراقلىقىدا بولىدۇ. مېتاللورگىيە سانائىتىدە ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال ۋە دومنىمەشنىڭ ئېرىتكۈچى رېئاكتىۋى قىلىنىدۇ.

دومبا

  • دومبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قورسىقى كىچىك چۆگۈن.

دومباق

  • دومباق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپۈپ، كۆتۈرۈلۈپ، ئۆرلەپ چىققان، تومپايغان:[مىسال:] ئۇ قارىسا قىزنىڭ يانچۇقى دومباق تۇرغۇدەك، قاراپ ئۇنىڭ بېھى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.

دومباق-دومباق

  • دومباق-دومباق[يەشمىسى:] «دومباق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئېلىنماقتا تەخسىگە ئېرىپ كەتكەن مانتىلار، «دەريا ياغ» دەپ سۆزلەيدۇ دومباق-دومباق سامسىلار.

دومبايتماق

  • دومبايتماق[يەشمىسى:] «دومبايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قورسىقىنى دومبايتىپ ھەر ئىشقا ئۆزى يۈگۈرۈپ، ئالدىراپ يۈرەتتى.

دومبايماق

  • دومبايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆتۈرلۈپ، كۆپۈپ، ئۆرلەپ چىقماق، تومپايماق؛ كۆپمەك:[مىسال:] قورسىقى دومبايماق.

دومبىرا

  • دومبىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] قازاقلارنىڭ ئىككى تارلىق چالغۇ ئەسۋابى. قارنى يېرىم نەشپۈت شەكلىدە بولۇپ سېپى ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە كېلىدۇ. سېپىغا 9 دىن 12 گىچە پەدە باغلىنىدۇ، تۆت ياكى بەش گرادۇستا سازلىنىدۇ.

دومبىرىچى

  • دومبىرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دومبىرا چالغۇچى:[مىسال:] ئۇ ئۇستا دومبىرىچى. ∥بىرپەستىن كېيىن دومبىرىچى يىگىت جارقىن سەھنىگە چىقىپ كەلدى.

دومساق

  • دومساق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دومىلاق، يۇمىلاق، دۈگىلەك.

دومسايتماق

  • دومسايتماق[يەشمىسى:] «دومسايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاغزىنى دومسايتىپ، يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ داۋۇتقا ھومايدى.

دومسايماق

  • دومسايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاپىقىنى تۈرۈپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ بىرەر ئىش، نەرسىدىن نارازى ياكى خاپا بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەك:[مىسال:] مۇھەممەتئىمىن قەستەن تەرىنى تۈرۈپ تاۋى نازۇك خوتۇندەك غەلىتە دومسايدى.

دومسىماق

  • دومسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دوملىماق، تەڭلىمەك.

دومسىيىشماق

  • دومسىيىشماق[يەشمىسى:] «دومسايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، چىنارگۈل بىر چەتتە، ئاپىسى بىلەن دادىسى يەنە بىر چەتتە دومسىيىشىپ تۇرۇپتۇ.

دوملاتماق

  • دوملاتماق[يەشمىسى:] «دوملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دوملاشماق

  • دوملاشماق[يەشمىسى:] «دوملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دوملانماق

  • دوملانماق[يەشمىسى:] «دوملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دوملىماق

  • دوملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دوم-دوم قىلماق، كۆز-كۆزقىلماق، ماختىماق:[مىسال:] ئۆزىنى دوملىغان بىرىنچى ئەخمەق، خوتۇنىنى دوملىغان ئىككىنچى ئەخمەق (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاستا، شۇنچىكى تەگكۈزمەك:[مىسال:] ئاپامنىڭ ئارىلاپ كېپەكنى قورسىقىمغا دوملاپ، ئاللىنېمىلەرنىدۇر ئوقۇپ ئاشلىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭمۇ تىكلىمە ئەينەك ئالدىغا كېلىپ، چىرايلىقلىقىمغا مەپتۇن بولۇپ يۈرگەنلىكىمنىھازىرمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق

دومنىمەش

  • دومنىمەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دومنا+مەش[[كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] رودىدىن چويۈن ئېرىتىدىغان چوڭ ئوچاق. تۇرخۇن شەكىللىك بولۇپ، ئاستى بىلەن ئۈستى بىرئاز چوڭراق كېلىدۇ. ئىچى ئوتقا چىداملىق خىش بىلەن تۇرغۇزۇلىدۇ.

دومىلاتما

  • دومىلاتما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دومىلاپ تۇرىدىغان، دومىلايدىغان:[مىسال:] دومىلاتما توپ.

دومىلاتماق

  • دومىلاتماق[يەشمىسى:] ① «دومىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاتتىق شامال قىزچاقنى يۇلۇۋېلىپ، دومىلىتىپ ئېلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىجارەت ئارقىلىق ئايلاندۇرماق، ئوبوروت قىلماق:[مىسال:] دەرۋەقە كۇچا سودىگەرلىرى بىر قىسىم پۇلنى دومىلىتىپ، بىر-بىرىنى ساختا قىلىپ پۇل تاپسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەممىسى توپلىشىپ كېلىپ دېھقانلارنى، ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەرنى ئالداپ پايدا ئالاتتى.

دومىلاشماق

  • دومىلاشماق[يەشمىسى:] «دومىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دومىلىشىپ قاتتىق ئېلىشتى.

دومىلاق

  • دومىلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇمىلاق، دۈگىلەك؛ يومشاق:[مىسال:] دومىلاق قاچا. دومىلاق قازان.

دومىلاقلاتماق

  • دومىلاقلاتماق[يەشمىسى:] «دومىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قوغلاپ كەلگەن ئىككى چېرىكنى مۇشت بىلەن ئۇرۇپ دومىلاقلىتىۋېتىپ، ئاتقا سەكرەپ مىندى.

دومىلاقلاشماق

  • دومىلاقلاشماق[يەشمىسى:] «دومىلاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] گۈلئايشەم چۆچۈپ يەرگە چۈشتى. ئۇ ئۈنسىز دومىلاقلىشىۋاتقان ئۈچ گەۋدىگە ئۆزىنى ئاتتى.

دومىلاقلىماق

  • دومىلاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دومىلاق ھالەتكە كەلتۈرمەك، دومىلاق قىلماق:[مىسال:] خېمىرنى دومىلاقلىماق. پاخالنى دومىلاقلىماق.[يەشمىسى:] ② دومىلىماق:[مىسال:] دومىلاقلاپ يەرگە يىقىلدىم.

دومىلانما

  • دومىلانما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دومىلايدىغان، دومىلانغان:[مىسال:] دومىلانما سۈركىلىش.

دومىلانماق

  • دومىلانماق[يەشمىسى:] ① «دومىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار يېڭى ياغقان قار ئۈستىدە دومىلاندى.[يەشمىسى:] ② «دومىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قار توپى دومىلاندى.

دومىلە

  • دومىلە[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىز ھادىسە؛ بەختسىزلىك؛ بالا-قازا، نەس: دومىلە باسماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەس باسقان، قارا باسقان، بەختسىزلىككە دۇچار بولغان:[مىسال:] دومىلە ئادەم.

دومىلىما

  • دومىلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دومىلاتقىلى بولىدىغان، دومىلايدىغان:[مىسال:] دومىلىما پىچاق.

دومىلىماق

  • دومىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۇمىلىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن مەرۋايىتتەك ياش تامچىلىرى دومىلىدى.[يەشمىسى:] ② ئاغماق:[مىسال:] بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە ھەقلىقمىزكى، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك رەسمىي ۋەكىللىرى تامامەن ئاغمىچىلار تەرەپكە دومىلاپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ يىقىلماق، ئۆرۈلمەك:[مىسال:] مەسىلىگە سۇبيېكتىپ، بىر تەرەپلىمە ۋە يۈزە قارايدىغان كىشىلەر بىلەرمەنلىك بىلەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ كېتىدۇ. بۇنداق كىشىلەردىن دومىلاپ چۈشمەيدىغىنى يوق.

دومىنىئون

  • دومىنىئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر خىل تەشكىلىي شەكلى. ئۇنىڭدا مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇق بولىدۇ، دىپلوماتىك ۋەكىل ئەۋەتەلەيدۇ، لېكىن ئەنگلىيە پادىشاھىنى دۆلەت باشلىقى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ باشلىقى — باش ۋالىي ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ شۇ دومىنىئونغا ئەۋەتكەن ۋەكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، يېڭى زېللاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىدىكى دومىنىئونلاردۇر.

دوناي

  • دوناي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈز سىزىق بويلاپ يۆنەلمىگەن؛ قىڭغىر، ئەگرى، توقاي:[مىسال:] دوناي قول. * ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق (ماقال). ∥ بارمىقىم ئاغرىپ يۈرۈپ ئاخىرى دوناي بولۇپ ساقايدى.

دونداق

  • دونداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاكار ھەم يۇمىلاق، دوغىلاق ھەم سېمىز:[مىسال:] دونداق ئايال.∥ئاتماقتا ئىدى پاختىنى ھەدەپ، خوتۇنى دونداق كىردى ھۆمۈدەپ.

دوۋساق

  • دوۋساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىدىكى سۈيدۈك ساقلىغۇچى ئورگان. شەكلى خالتىغا ئوخشاش بولۇپ، داس بوشلۇقى ئىچىگە جايلاشقان.

دوۋسۇن

  • دوۋسۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەتتە دوۋسۇن سۆڭىكى دائىرىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

دوۋۇس

  • دوۋۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھاقارەتلەش، كەمسىتىش:[مىسال:] دوۋۇس قىلماق.

دوۋۇسلىماق

  • دوۋۇسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۆشكەلىمەك، ئىتتىرمەك، سىلكىشلىمەك:[مىسال:] دۈمچەك ئەسكەر ئۇنى ئىلدام مېڭىشقا ھەدەپ دوۋۇسلايتتى.

دۇئا

  • دۇئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خۇداغا يېلىنىپ، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەپ قىلىنغان ئىلتىجا:[مىسال:] دۇئا ئالماق. دۇئا قىلماق.[يەشمىسى:] ② ياخشى تىلەك، رازىلىق:[مىسال:] خوجىنىياز ماڭا: دۇئالىرىنى بەرسىلە باي دادا، مەن بۇ يەردىن كېتىۋالاي، دېدى.[يەشمىسى:] ③ پاتىھە قىلغاندا ئوقۇلىدىغان قۇرئان سۈرىسى:[مىسال:] موللانىياز پاتىھە دۇئاسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قويچىدىن ھال-ئەھۋال سورىدى.

دۇئا-تەكبىر

  • دۇئا-تەكبىر[يەشمىسى:] دۇئا ۋە تەكبىر:[مىسال:] مويسىپىتلەر ئۆيگە كىرىپ ئادەت بويىچە دۇئا-تەكبىر قىلىشتى. سىدىقتىن ھال سوراشتى.

دۇئا-تەلەپ

  • دۇئا-تەلەپ[يەشمىسى:] دۇئا ۋە تەلەپ:[مىسال:] ساراينىڭ ئىچىگە دۇئا-تەلەپ يۇلتۇزلىرى ۋە مۇئەككەللەرنىڭ سۈرەتلىرى قويۇلدى.

دۇئا-تىلاۋەت

  • دۇئا-تىلاۋەت[يەشمىسى:] قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ قىلغان دۇئا ۋە تىلەك:[مىسال:] مەن كېچە-كۈندۈز خۇدادىن سىزنىڭ ئامانلىقىڭىزنى تىلەپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىمەن.

دۇئاگۇي

  • دۇئاگۇي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پات-پات دۇئا قىلىدىغان؛ دۇئا-تىلاۋەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان:[مىسال:] دۇئاگۇي ئادەم. * مەن ئەسلىدە دۇئاگۇي ئەمەسمەن، ئەۋلىيامۇ ئەمەسمەن، مۇشۇنداق بىر جاھان كەزگۈچى.

دۇئاگۇيلۇق

  • دۇئاگۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پات-پات دۇئا قىلىش ئىشى:[مىسال:] ئۇ«ھۈنەر بىلمەستىن خاس دىنىي ئوقۇش بىلەن قالساڭلار تەمەخور بولۇپ قالىسىلەر» دەپ تالىپلارغا تەربىيە بېرەتتى. ئۆزى دۇئاگۇيلۇق قىلمايتتى، سەدىقە-ئېھسانغا قىزىقمايتتى.

دۇئالىزم

  • دۇئالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① دۇنيانىڭ روھ بىلەن ماددىدىن ئىبارەت مۇستەقىل ئىككى مەنبەسى بار دېگەننى تەشەببۇس قىلىدىغان پەلسەپىۋى تەلىمات.[يەشمىسى:] ② ئالەمنى مۇستەقىل ئىككى دۇنياغا بۆلۈۋېتىدىغان بارلىق دىنىي ئەقىدىلەر تەلىماتى.

دۇئايىبەت

  • دۇئايىبەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىركىمگە يامانلىق تىلەپ قىلىدىغان دۇئا؛ قارغىش:[مىسال:] دۇئايىبەت قىلماق.

دۇئايىسالام

  • دۇئايىسالام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دۇئا+يى+سالام[[يەشمىسى:] باشقا يەردىكى كىشىلەرگە ياخشىلىق بىلەن، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى سوراپ ۋە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى بىلدۈرۈپ يوللانغان سالام ۋە خەت-خەۋەر:[مىسال:] دۇئايىسالام ئېيتماق.

دۇب

  • دۇب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دۇپ دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ۋە ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى سارغۇچ قوڭۇر، ئاتلىق گۈلى پوتلىسىمان گۈل رېتىدە كېلىدۇ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىسى شار شەكلىدە بولىدۇ، يوپۇرمىقى بىلەن دۇپ پىلە قۇرتى بېقىلىدۇ، ياغىچىدىن شپال ۋە ئۆي سايمانلىرى ياسلىدۇ، قوۋزىقى تەركىبىدە تاننات كىسلاتاسى بولۇپ، بوياق قىلىنىدۇ.

دۇبەن

  • دۇبەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] شىڭ شىسەي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ئۆزى ئۆزىگە بەرگەن «ئەڭ چوڭ ھۆكۈمران» دېگەن مەنىدىكى ئەمەل نامى.

دۇبەن يامۇل

  • دۇبەن يامۇل[يەشمىسى:] شىڭ شىسەي دەۋرىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت.

دۇبليور

  • دۇبليور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] ئوخشاش بىر رولنى ئېلىپ چىقىشقا تەييارلانغان ئىككىنچى بىر ياردەمچى ئارتىس.

دۇبۇلغا

  • دۇبۇلغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] تىغ ياكى ئوقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆمۈردىن ياسالغان باش كىيىمى؛ قالپاق:[مىسال:] چىنتۆمۈر باتۇر مەيدىسىگە يەتتە قات ساۋۇتنى تېڭىپ، بېشىغا دۇبۇلغا كىيىپ، مىسران قىلىچىنى تۇتۇپ ئورىدا مۆكۈنۈپ يېتىپتۇ.

دۇپىي

  • دۇپىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] موزدۇزلۇقتا ئاياغنى چەملەش، مىخلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان، شەكلى پۇتقا ئوخشايدىغان، بىر تەرىپىنى كۆتەك ياكى يەرگە قېقىپ قويىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب.

دۇت

  • دۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىس، تۈتۈن:[مىسال:] دۇت ئالماق، دۇت سالماق.[يەشمىسى:] ② بۇس، پۇراق:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، دۇنيا كۆزۈمگە قاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈندى. دىمىغىمدىن ئاچچىق دۇت چىقىپ كەتتى.

دۇتار

  • دۇتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى. سېپى ئۇزۇن، بېشى چوڭ، سىرتقى كۆرۈنۈشى بويىغا كېسىلگەن نەشپۈتنىڭ يېرىمىغا ئوخشايدۇ. ئىككى تال يىپەك تار ئىشلىتىلىدۇ.

دۇتارچى

  • دۇتارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دۇتار چالىدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② دۇتار ياسىغۇچى ياكى ساتقۇچى كىشى.

دۇتخانا

  • دۇتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تونۇرنىڭ ئاستىدىكى ھاۋا ئۆتۈشىدىغان تۆشۈكى.

دۇتلاتماق

  • دۇتلاتماق[يەشمىسى:] «دۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۇتلاشماق

  • دۇتلاشماق[يەشمىسى:] «دۇتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دۇتلانماق

  • دۇتلانماق[يەشمىسى:] «دۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دۇتلىماق

  • دۇتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىس چىقماق، ئىس يانماق.[يەشمىسى:] ② پۇراپ، سۈمۈرۈپ چىقارماق:[مىسال:] دۆلەتنى كونا مەش بىلەن باي قىلالمايسىز، سالامەتلىك مۇھىم، بىلەمسىز، كېسەلچان ئادەممەن ئىس دۇتلاپ ئۆلەيمۇ ئاخىر

دۇچ

  • دۇچ[يەشمىسى:] «دۇچ كەلمەك»كە قاراڭ.

دۇچ كەلمەك

  • دۇچ كەلمەك[يەشمىسى:] ئۇچرىماق، يولۇقماق؛ ئۇدۇل روبىرو كەلمەك:[مىسال:] مەن ئاجايىپ ئىشلارغا دۇچ كەلدىم. نۇرغۇن ئىشلار تېپىشماق، بەزىلىرى سىرلىق.

دۇچار

  • دۇچار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گىرىپتار، مۇپتىلا؛ يولۇقۇش:[مىسال:] دۇچار بولماق. دۇچار قىلماق.

دۇخاۋا

  • دۇخاۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپەك ۋە ئارىلاشما يىپلاردا ئوڭ يۈزىگە موي چىقىرىپ توقۇلىدىغان رەخت.

دۇخوپكا

  • دۇخوپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] نان، سامسا، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق ئۇن ۋە گۆشتىن قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى پىشۇرىدىغان، ئوت ياكى توك بىلەن قىزىتىلىدىغان قاڭالتىر ساندۇق.

دۇخوۋوي

  • دۇخوۋوي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] «دۇخوۋوي چالغۇ»غا قاراڭ.

دۇخوۋوي چالغۇ

  • دۇخوۋوي چالغۇ[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] پۈۋلەپ چالىدىغان يەللىك چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئورتاق نامى:[مىسال:] دۇخوۋوي چالغۇ. دۇخوۋوي ئوركېستىر.

دۇخۇلۇر

  • دۇخۇلۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «تۇغۇر»غا قاراڭ.

دۇد

  • دۇد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرخىلى. شەكلى گىتارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. سەككىز تارى بولىدۇ.

دۇدۇ

  • دۇدۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] تۇتۇق، ۋالىي.

دۇدۇق

  • دۇدۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] راۋان سۆزلىيەلمەي، تۆتۆتلەپ سۆزلەش ھالىتى (ئادەم ھەققىدە).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۇدۇقلاپ سۆزلەيدىغان ئادەم، كېكەچ، تۆتۆت:[مىسال:] دۇدۇق سۆزگە يارىماس، ئوغرى كۆزەتكە (ماقال).

دۇدۇق-بۇدۇق

  • دۇدۇق-بۇدۇق[يەشمىسى:] ئېنىق، ئوچۇق سۆلىيەلمەي دۇدۇقلاش، تەمتىرەش ھالىتى:[مىسال:] ئۇ مېنى كۆرۈپلا «دۇدۇق-بۇدۇق» قىلىپ سۆزلىيەلمەي قالدى.

دۇدۇقلاتماق

  • دۇدۇقلاتماق[يەشمىسى:] «دۇدۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئامىنەنىڭ بۇ سوئالى ئابلىمىتنى خېلى دۇدۇقلىتىپ قويدى.

دۇدۇقلاشماق

  • دۇدۇقلاشماق[يەشمىسى:] «دۇدۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار گەپكە جاۋاب بېرەلمەي دۇدۇقلىشىپ قېلىشتى.

دۇدۇقلانماق

  • دۇدۇقلانماق[يەشمىسى:] «دۇدۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بەزىدە ئىلىك تەتۈر «دەلىل»لەر بىلەن ئىپار گۈلنى ئالدىرىتىپ قوياتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا، ئىپارگۈل قىزىرىپ دۇدۇقلىناتتى.

دۇدۇقلىماق

  • دۇدۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۆزلىگەندە بەزى سۆز ۋە تاۋۇشلارنى ئېنىق، راۋان ئېيتالماي، تەمتىرەپ سۆزلىمەك؛ كېكەچلىمەك:[مىسال:] ئايتىللا بولۇپ ئۆتكەن گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى يەنە بىرقېتىم تېز ئويلىۋالغاندىن كېيىن، بىر تۇرۇپ راۋان، بىر تۇرۇپ دۇدۇقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى.

دۇر

  • دۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۈنچە-مەرۋايىت:[مىسال:] دېسە دۇر، دۇر ئەمەس قىممەتتە شۇنچە، دېسە بال، بال ئەمەس لەززەتتە ئۇنچە.

دۇربۇن

  • دۇربۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] يىراقتىكى نەرسىنى يېقىن قىلىپ، چوڭ كۆرسىتىدىغان ئوپتىكىلىق ئەسۋاب.

دۇردانە

  • دۇردانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئېسىل، چوڭ ئۈنچە-مەرۋايىت.[يەشمىسى:] ② ئېسىل، بىباھا، قىممەتلىك نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن كىشى ئۇيغۇر مىللىي مېمارچىلىق سەنئىتىنىڭ ئاجايىپ دۇردانىلىرىغا مەپتۇن بولۇپ قالاتتى.

دۇردۇن

  • دۇردۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپەكتىن توقۇلغان ئېسىل رەخت:[مىسال:] تاۋار-دۇردۇن ئاشار، لاي ئاشماس (ماقال).

دۇررىمارجان

  • دۇررىمارجان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دۇر+رى+مارجان[[يەشمىسى:] ئۈنچە-مەرۋايتتىن قىلىنغان مارجان تىزىق:[مىسال:] ئۇلار ماڭا دىققەت بىلەن سەپسېلىپ قاراپ، ئۈستۈمدىكى كىيىم ۋە دۇررىمارجانلارنى كۆرۈشتى.

دۇرۇت

  • دۇرۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پەيغەمبەرنى سېغىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشىلىق تىلەپ ئوقۇلىدىغان ھەمدۇسانا، دۇئا:[مىسال:] دۇرۇت ئوقۇماق.

دۇرۇس

  • دۇرۇس[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرا، خاتا ئەمەس:[مىسال:] دۇرۇس قىلماق. * دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرا، ياخشى، ئوبدان:[مىسال:] دۇرۇس ئادەم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەۋزەل، ئارتۇق:[مىسال:] قانۇن ئالدىدا جاۋابقا تارتقاندىن ۋىجدان ئالدىدا جاۋابقا تارتقىنىم دۇرۇس، دېدى ھاشىر.[يەشمىسى:] ④ يۈكلىمە رولىدا كېلىپ، «توغرا، شۇنداق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دۇرۇس، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى مەيلى قانداق ئېھتىياج بىلەن بولمىسۇن، ئۆز شارائىتىنى، دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

دۇرۇسلاتماق

  • دۇرۇسلاتماق[يەشمىسى:] «دۇرۇسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۇرۇسلاشماق

  • دۇرۇسلاشماق[يەشمىسى:] ① «دۇرۇسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② دۇرۇس، توغرا ھالەتكە كەلمەك.

دۇرۇسلانماق

  • دۇرۇسلانماق[يەشمىسى:] «دۇرۇسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

دۇرۇسلۇق

  • دۇرۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاتاسىزلىق، توغرىلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ دۇرۇسلۇقىنى بىلمەپتىمەن.

دۇرۇسلىماق

  • دۇرۇسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۇرۇس قىلماق، تۈزىمەك، توغرا قىلماق، توغرىلىماق:[مىسال:] سەپەرگە چىققان ئادەم يول ماڭىدىغان كۈننى تاللاپ، باش-كۆزىنى سۇغا سېلىپ، نىيىتىنى دۇرۇسلاپ ماڭىدۇ.

دۇريان

  • دۇريان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاختا دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ۋە ئېللىپس شەكلىدە، مېۋىسى شارسىمان، سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇنلىغان قاتتىق تىكەنلىرى بولىدۇ، مېۋە گۆشى ئاق يېگىلى بولىدۇ، ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئوكيان تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى خەينەنداۋ ئارىلىدىنمۇ چىقىدۇ.

دۇش

  • دۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] مۇنچىلاردا سۇنى يامغۇرغا ئوخشاش چۈشۈرۈپ بېرىدىغان قۇرۇلما.

دۇشالقا

  • دۇشالقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شىراق.

دۇشقار

  • دۇشقار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىيىن، مۈشكۈل:[مىسال:] قەلەم قاشلىق ئىكەن، جاننىڭ پىراقى. ئەجەب دۇشقار ئىكەن، يولنىڭ يىراقى.

دۇشقارچىلىق

  • دۇشقارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىيىنچىلىق، تەسلىك، مۈشكۈللۈك:[مىسال:] قىزىمنىڭ كۆڭلى ئەمدى بىرئاز ئارام تاپقاندا، نېمىدېگەن دۇشقارچىلىق بۇ

دۇغ

  • دۇغ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئاستىغا چۆككەن ماددا، چۆكۈندى:[مىسال:] ماي دۇغى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ھەر خىل ئارىلاشمىلار بولغان، ساپ بولمىغان، سۈزۈك بولمىغان:[مىسال:] دۇغ سۇ.

دۇغلاشتۇرماق

  • دۇغلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «دۇغلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۇغلاشماق

  • دۇغلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۇغ ھالەتكە كەلمەك، دۇغ بولۇپ قالماق، دۇغلانماق:[مىسال:] ئالدى بىلەن، سۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى رەڭسىز، دۇغلاشمىغان، سېسىق پۇراقتىن خالىي بولۇشى لازىم.

دۇغلانماق

  • دۇغلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دۇغلاشماق»قا قاراڭ.

دۇفۇ

  • دۇفۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىرخىل قوشۇمچە يېمەكلىك. پۇرچاق سۈتىنى قايناتقاندىن كېيىن، گەج ياكى تۇز دۇغىنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇيۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. ئادەتتە سەي قورۇشتا ۋە بەزى سۇيۇق تاماقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

دۇكات

  • دۇكات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دوختۇر ۋە ساتىراشلار ئىشلىتىدىغان كىچىك قايچا.

دۇكان

  • دۇكان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەرخىل نەرسىلەرنى سېتىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئۆي، ماگىزىن، جاي:[مىسال:] دۇكان ئاچماق.[يەشمىسى:] ② ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىش قىلىدىغان ئۆيى:[مىسال:] ياغاچچىلىق دۇكىنى. كىيىم تىكىش دۇكىنى.[يەشمىسى:] ③ گىلەمچىلىك، باپكارلىق قاتارلىقلاردا توقۇش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدىغان جاھازىلىق ئۈسكۈنە ۋە پاختا، يۇڭ قاتارلىقلارنى ئاتىدىغان يا شەكىللىك ئەسۋاب.

دۇكان ئايرىماق

  • دۇكان ئايرىماق[يەشمىسى:] ① شاگىرت مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان بولغاندا ئۇستىسىنىڭ دۇكىنىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ھۈنەر قىلماق:[مىسال:] دۇكان ئايرىغاندىن كېيىن، دەسمايىگە پۇلۇڭ بارمۇ دېدى كېرىمئاخۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر پۈتۈنلۈك تەركىبىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولماق:[مىسال:] بوتانىكا، زوئولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بىئولوگىيىدىن دۇكان ئايرىپ مۇستەقىل بىر پەن بولۇپ كەتتى.

دۇكانچە

  • دۇكانچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك دۇكان؛ بوتكا.

دۇكانچى

  • دۇكانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۇكاندا تۇرۇپ مال ساتقۇچى كىشى، پرىكازچىك؛ دۇكاندار.

دۇكاندار

  • دۇكاندار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] شەخسىي دۇكاندا مال ساتقۇچى سودىگەر.

دۇڭ

  • دۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] توپى بىلەن، ئۈلگۈجە:[مىسال:] دۇڭ ساتماق. دۇڭ ئالماق.

دۇڭزۇ

  • دۇڭزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار گۇيجۇ، خۇنەن ۋە گۇاڭشى ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان.

دۇڭشياڭ

  • دۇڭشياڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئېلىمىزىدكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئاساسەن گەنسۇ ئۆلكىسىگە ئولتۇراقلاشقان.

دۇڭلاپ

  • دۇڭلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] توپى بىلەن، ئۈلگۈجە:[مىسال:] سىزچە پۇلنى دۇڭلاپ تېپىش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلىش كېرەكمۇ

دۇلدۇل

  • دۇلدۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① رىۋايەتلەردىكى ھەزرىتى ئەلى مىنگەن ئۇچار ئاتنىڭ نامى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كېلىشكەن، ئىنتايىن تېز چاپىدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئات:[مىسال:] ئات سەمرىپ ئالامەت بىر دۇلدۇل بوپتۇ.

دۇلۇڭ

  • دۇلۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئېلىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار يۈننەنگە ئولتۇراقلاشقان.

دۇمبا

  • دۇمبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاياق، كالتەك:[مىسال:] دۇمبا يېمەك.

دۇمباق

  • دۇمباق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] چوكا بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى. كۆپىنچە يۇمىلاق تۇڭ شەكلىدە بولىدۇ. ئىچى كاۋاك، بىر ياكى ئىككى تەرىپىگە تېرە كىيدۈرۈلىدۇ.

دۇمباقچى

  • دۇمباقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دۇمباق چالىدىغان ئادەم:[مىسال:] -سەندەك داڭلىق دۇمباقچىدىن بىرى بولمىسا بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان، باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان كىشى؛ يالاقچى، گۇماشتا، گۇپپاڭچى:[مىسال:] شىڭ شىسەي گومىنداڭنىڭ دۇمباقچىسى ئىدى.

دۇمباقچىلىق

  • دۇمباقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دۇمباق چېلىش ئىشى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈش، باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىش؛ يالاقچىلىق، گۇپپاڭچىلىق.

دۇمبالاتماق

  • دۇمبالاتماق[يەشمىسى:] «دۇمبالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] باي، ئاسىمنى راسا دۇمبالاتقاندىن كېيىن زىندانغا تاشلاشقا بۇيرۇدى.

دۇمبالاشماق

  • دۇمبالاشماق[يەشمىسى:] «دۇمبالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئەسئەتنى راسا دۇمبالاشقاندىن كېيىن سېۋەتتىكى ئۆرۈكنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆزىنى ئامبارغا سولاپ قويدى.

دۇمبالانماق

  • دۇمبالانماق[يەشمىسى:] «دۇمبالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تارىختا ئۇلۇغ قەھرىمانلار، ئىجادكار-ئالىملار ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بەزىلەر تەرىپىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە كەمسىتىلگەن، مەسخىرە قىلىنغان، ھەتتا ھاقارەتلىنىپ دۇمبالانغان.

دۇمبالىماق

  • دۇمبالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇشت ۋە تاياق قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قاتتىق ئۇرماق:[مىسال:] نامراتلارنى ھايۋاندەك دۇمبالاپ ئىشلىتىشكە، ئۇنى ئاز دەپ يەنە خالىغانچە ئۆلتۈرۈشكە بولامدىكەن

دۇنيا

  • دۇنيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تەبىئەت ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ جۇغلانمىسى:[مىسال:] دۇنيا چەكسىز. ئۇنىڭدا ھەممە ئاجايىپ-غارايىپ نەرسىلەر بولغىنىدەك، ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ② تەبىئەتنىڭ ئايرىم بىر قىسمى:[مىسال:] ھايۋانات دۇنياسى. يۇلتۇزلار دۇنياسى.[يەشمىسى:] ③ يەر شارىدىكى بارلىق جايلار:[مىسال:] دۇنيانى ئايلانماق. دۇنيانى كەزمەك.[يەشمىسى:] ④ ھاياتلىق، ياشاش، تىرىكچىلىك:[مىسال:] مېنىڭمۇ يادىمدا، شۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئالدىمدا بىر دۇنيا ئېچىلدى.[يەشمىسى:] ⑤ كىشىلەر ياشاۋاتقان ئالەم، جەمئىيەت؛ ئۆلگەندىن كېيىن بارىدىغان جاي:[مىسال:] بۇ دۇنيا. ئۇ دۇنيا. دۇنيادىن ئۆتمەك.[يەشمىسى:] ⑥ جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ مەلۇم باسقۇچتىكى ۋەزىيەت، تۈزۈم:[مىسال:] كاپىتالىزم دۇنياسى. سوتسىيالىزم دۇنياسى.[يەشمىسى:] ⑦ كىشىلەرنىڭ مەلۇم پائالىيەت دائىرىسى:[مىسال:] ئوبيېكتىپ دۇنيا. ئىچكى دۇنيا.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە مۇتلەق ئوخشىمايدىغان، پۈتۈنلەي پەرقلىنىپ تۇرىدىغان نەرسە:[مىسال:] مەلىكىزات بىلەن بۇ ئىككىسى تامامەن باشقا-باشقا دۇنيا ئىدى.[يەشمىسى:] ⑨ ساھە، مۇنبەر:[مىسال:] ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جاھانشۇمۇل ئەدىبلىرى ئەدەبىيات دۇنياسىدا ئۆچمەس نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقانىدى.[يەشمىسى:] 01 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بايلىق، مال-مۈلۈك، دۆلەت:[مىسال:] ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە ھۈنەر قالسۇن (ماقال). *ئادەم ئۆلىدۇ. دۇنيا قالىدۇ (ماقال).

دۇنيا ۋاقتى

  • دۇنيا ۋاقتى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] نۆل گرادۇسلۇق مېردىئان سىزىقى ئورۇنلاشقان ۋاقىت رايونى ئۆلچەم قىلىنغان ۋاقىت. بۇ خىل ۋاقىت ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىمسىز تېلېگراف ۋە ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەش ئىشلىرىنىڭ بىردەك بولۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

دۇنيا يۈزىنى كۆرمەك

  • دۇنيا يۈزىنى كۆرمەك[يەشمىسى:] تۇغۇلماق، دۇنياغا كەلمەك.

دۇنياپەرەس

  • دۇنياپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] دۇنيا، مال-مۈلۈك، بايلىق توپلاشقا ئامراق؛ ئاچ كۆز:[مىسال:] دۇنياپەرەس ئادەم.

دۇنياپەرەسلىك

  • دۇنياپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مال-دۇنياغا ئامراقلىق:[مىسال:] فارابى ئۇزۇن ئۆمرىدە دۇنياپەرەسلىك قىلمىغان، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولمىغان، ئىنتايىن پېقىرلىق ۋە كەمبەغەللىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن.

دۇنيادەپىنە

  • دۇنيادەپىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دۇنيا+دەپىنە[[يەشمىسى:] كۆمۈلگەن ۋە كۆمۈلمىگەن ھەممە بايلىق، بارلىق خەزىنە:[مىسال:] بۇ قىز 18 ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ پۈتۈن دۇنيادەپىنە ئۇنىڭغا قاپتۇ.

دۇنياقاراش

  • دۇنياقاراش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دۇنيا+قاراش[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ دۇنيا توغرىسىدىكى ئومۇمىي، تۈپ قارىشى. سىنىپىي مەۋقەنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن دۇنياقاراشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

دۇنيالىق

  • دۇنيالىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۇنيادا لازىم بولىدىغان نەرسە:[مىسال:] مەن دۇنيالىقنى تاشلاپ، تەركىدۇنيا بولۇپ، چۆل-باياۋاندا ئىبادەت قىلىپ يۈرگەنىدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇ دۇنيادا ئېرىشكەن، ھاياتىدا، ئۆمرىدە تاپقان:[مىسال:] سەلىمە ئۇنىڭ دۇنيالىق بىرلا بالىسى ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دۇنيادىكى؛ دۇنيادا ئەسقاتىدىغان، يار-يۆلەك بولىدىغان:[مىسال:] شۇ ئاچقۇچنىڭ خاسىيىتىدىن ئۇنىڭ قولى ئۇزىراپ، ئەتراپىدا پەرۋانە بولىدىغان «ئىككى دۇنيالىق» دوستلىرى كۆپەيگەنىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇن كېلىش قوشۇمچىسى «-دا، -تا» بىلەن كېلىپ «دۇنيادا، ئۆمرىدە، ھاياتىدا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ، دۇنيالىقتا بىرلا جانجىگەر ئوغلى سۇتۇقتىن ئەندىشە قىلاتتى.

دۇنياۋى

  • دۇنياۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك، دۇنيا مىقياسىدىكى، دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان:[مىسال:] دۇنياۋى مەسىلە. دۇنياۋى رېكورت.

دۇۋانبېگى

  • دۇۋانبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دۇۋان+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە يۇرتمۇيۇرت، يېزىمۇ يېزا يۈرۈپ ئۆشرە يىغقۇچى ئەمەلدار.

دوئېل

  • دوئېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئىلگىرى ياۋروپادا ئەۋج ئالغان بىر خىل ئادەت. ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا ۋاقىت، ئورۇن بەلگىلىنىپ، گۇۋاھچى چاقىرىلىدۇ. ئىككى شەخس ياكى قىلىچ بىلەن يەككە ئېلىشىدۇ، ياكى تاپانچا بىلەن ئېتىشىدۇ:[مىسال:] دۇئېلغا چاقىرماق. دۇئېلغا چىقماق. دۇئېلغا چۈشمەك.

دۆ

  • دۆ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆمۈچۈكنىڭ بىرخىلى. تېنى قارا ياپىلاق كېلىدۇ. پۇتى ئۇزۇن بولۇپ ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ. دائىم تاملاردا ئاق رەڭلىك يۇمىلاق خالتا ھاسىل قىلىپ، شۇنىڭدا لىچېنكىسىنى تۇخۇمدىن چىقىرىدۇ.

دۆت

  • دۆت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقلى تازا ئىشلىمەيدىغان، ئۆتكۈر ئەمەس، ئەقىلسىز، ھاماقەت:[مىسال:] ئۇ ئادىلنىڭ تەلۋە، دۆت، كالۋا ئەمەسلىكىنى، باشقىلار ھەققىدە بەلگىلىك كۆزقارىشى بار ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

دۆت-كالۋا

  • دۆت-كالۋا[يەشمىسى:] دۆت ۋە كالۋا:[مىسال:] سىرنى ئاشكارىلاپ قويدۇڭ ئەخمەق، سەن دۆت-كالۋا، نېمە بۇ مەخپىيەتنى قالايمىقان چايناپ يۈرىسەن

دۆتلەشتۈرمەك

  • دۆتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «دۆتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەددىدىن ئارتۇق چىڭ تۇتۇش بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بۇزۇپ ئۇلارنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ.

دۆتلەشمەك

  • دۆتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېڭىسىنى تازا ئىشلەتمەيدىغان، دۆت ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئادەم ئەقلىنى ئىشلىتىپ تۇرمىسا، دۆتلىشىپ قالىدۇ.

دۆتلۈك

  • دۆتلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كالۋالىق، ھاماقەتلىك:[مىسال:] دۆتلۈك قىلماق. * نېمىدېگەن دۆتلۈك بۇ سۇپىنى چۇۋۇپ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغۇچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ

دۆرەسكەل

  • دۆرەسكەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاۋار، دۇخاۋىدىن تىكىلگەن يۇمشاق، قېلىن كۆرپە.

دۆرۈلمە

  • دۆرۈلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆيدىن ئۆيگە كېزىپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزگۈچى، ساياق ئادەم.

دۆرى

  • دۆرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەتلەسنىڭ يىپلىرىنى يىغىدىغان چاقپەلەك.

دۆش

  • دۆش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتراپىدىكى يەرلەردىن ئېگىز بولغان دۆڭ يەر، ئېگىزلىك:[مىسال:] دۆشكە چىقىڭ بىز كۆرەيلى، بېشىڭىزدىن گۈل ئۆرۈيلى، سىز ئۆلگۈچە بىز ئۆلەيلى، جانلارنى قۇربان قىلايلى.

دۆشە

  • دۆشە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈستىدە گۆش ۋە سەي-كۆكتات قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇپ توغراش ئۈچۈن ياسالغان تۆشۈك سايمىنى.

دۆشەش

  • دۆشەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئامۇتنىڭ بىر تۈرى:[مىسال:] قىشلىق كۆك ئامۇت، دۆشەش قاتارلىقلار ئوبدان قۇرۇتۇلغان قۇم بىلەن تىزىلسا، سۈپىتى ياخشى تۇرىدۇ.

دۆشكەلەتمەك

  • دۆشكەلەتمەك[يەشمىسى:] «دۆشكەلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۆشكەلەشمەك

  • دۆشكەلەشمەك[يەشمىسى:] «دۆشكەلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ يەردە دۈمچەك بىرىنى بىرمۇنچىسى «پۇلۇڭ يوق ئادەم نېمىشقا قارىغا ئوينايسەن» دەپ دۆشكەلىشىۋاتاتتى.

دۆشكەلەنمەك

  • دۆشكەلەنمەك[يەشمىسى:] «دۆشكەلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەر جەھەتتىن دۆشكەلىنىۋاتقان ئەمەت نەگىمۇ بارالىسۇن بارلىق قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئۆز ئىچىگىلا يوشۇرۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.

دۆشكەلىمەك

  • دۆشكەلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سىلكىپ، تۈرتۈپ، ئۇ ياق-بۇ ياققا ئىتتەرمەك؛ سىلكىشلىمەك:[مىسال:] بالىنى دۆشكەلىمەك.

دۆڭ

  • دۆڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆتۈرۈلگەن، چوقچايغان، دومبايغان، ئەتراپىدىكى يەرلەردىن ئېگىز:[مىسال:] دۆڭ يەر. * ئوي مەلىدىن دۆڭ مەلىگە ئويناي دەپ كەلدىم، ياخشى دەمسەن يامان دەمسەن، سىناي دەپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆتۈرۈلگەن، چوقچايغان، دومبايغان يەر، ئەتراپىدىكى جايلاردىن ئېگىزرەك بولغان جاي:[مىسال:] دۆڭگە چىقماق. * دۆڭنى كۆرۈپ تاغ دېمە. گۈلنى كۆرۈپ باغ دېمە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈلدىكىدەك، ئىنتايىن ياخشى، بەھۇزۇر:[مىسال:] ناخشىسىنى دۆڭ توۋلىماق. ئىشى دۆڭ بولماق. ئۇسسۇلنى دۆڭ كەلتۈرماق.

دۆڭگە چىقماق

  • دۆڭگە چىقماق[يەشمىسى:] پاش بولماق، ئاشكارىلانماق (يامان قىلمىشلار ھەققىدە):[مىسال:] ئاچا-سىڭىل بولغان ۋەقەنى باشتىن ئاخىر سۆزلەپ بېرىپتۇ. تۆت خوتۇننىڭ قىلمىشى دۆڭگە چىقىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق «توۋا» دېيىشىپ ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپتۇ.

دۆڭگە يىقىتماق

  • دۆڭگە يىقىتماق[يەشمىسى:] ئانچە رولى يوق بىرەر ئورۇنغا ئۆستۈرگەندەك قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئەمەلىي ھوقۇقتىن يىراقلاشتۇرماق:[مىسال:] خەق سەمەتنى ئۆستەردى دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنى دۆڭگە يىقىتتى.

دۆڭگە

  • دۆڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] پۇتقا سېلىنىدىغان قەدىمكى بىر خىل جازا قورالى. ئۇ ئادەتتە كۆتەكتىن ياسىلىدۇ. جىنايەتچىنىڭ پۇتى مەخسۇس ياسالغان ئىككى تال كۆتەكنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ، ئىككى تال كۆتەك تۆمۈر ياكى مۇستەھكەم كالتەكلەر بىلەن چېتىلىپ قۇلۇپلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر كىشىلىكلىرىمۇ، كۆپ كىشىلىكلىرىمۇ بولىدۇ:[مىسال:] ئاچىقىڭلار ئۇنى، پۇتىغا دۆڭگە، بوينىغا قوۋۇق سېلىپ سولاپ قويۇڭلار دەپ بۇيرۇق قىلدى سۇلتان مىرغەزەپ.

دۆڭگەتمەك

  • دۆڭگەتمەك[يەشمىسى:] «دۆڭگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۆڭگەشمەك

  • دۆڭگەشمەك[يەشمىسى:] «دۆڭگىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەن قىلمىدىم، مەن قىلمىدىم... دېدى ئىنىم كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ، نېمە ئىش بولسا ماڭا دۆڭگىشىدۇ. مەن قىلمىسام.

دۆڭگەلمەك

  • دۆڭگەلمەك[يەشمىسى:] «دۆڭگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەنمۇ ھەيرانمەن ئۇكام، بۇ ئىشنىڭ ساڭا دۆڭگىلىپ قالغىنى قىزىق، سەۋر قىلغىن، ئىشنىڭ ھەقىقىتى ھامان ئايدىڭ بولىدۇ، دېدى ئۇ مېنىڭ مۈرەمنى سىلاپ.

دۆڭگەي

  • دۆڭگەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۈمبە، ئۇچا.

دۆڭگۈرچەك

  • دۆڭگۈرچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يانتاق كۆتىكى.

دۆڭگىمەك

  • دۆڭگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنى، مەسئۇلىيەتنى باشقا بىرىگە ئارتىپ قويماق؛ يۈكلىمەك:[مىسال:] سۇلايمان ئۆز قىلمىشلىرىنى بىرنەچچە كىشىگە دۆڭگەپ قويۇشقا ئۇرۇندى.

دۆڭلەتمەك

  • دۆڭلەتمەك[يەشمىسى:] «دۆڭلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۆڭلەشمەك

  • دۆڭلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۆڭ ھالەتكە كەلمەك، دۆڭلىمەك:[مىسال:] «ئېرىق» كەنتىدىكى مەھەممەت قۇرباننىڭ ئېرىقى چوڭقۇر، ئېتىزلىرى دۆڭلىشىپ، سۇغىرىشتا قىينچىلىقتا قالدى.

دۆڭلۈك

  • دۆڭلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دومبايغان جاي؛ ئېگىزلىك، تۆپىلىك:[مىسال:] قىز ئاتىسىنىڭ يولىغا قاراپ مەھەللىنىڭ چېتىدىكى دۆڭلۈككە نەچچە قېتىم باردى.

دۆڭلىتىلمەك

  • دۆڭلىتىلمەك[يەشمىسى:] «دۆڭلەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يەرلەر داۋاملىق لاي سۇدا سۇغىرىلىپ دۆڭلىتىۋېتىلدى، نەتىجىدە سۇ چىقماس بولۇپ قالدى.

دۆڭلىمەك

  • دۆڭلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈستىگە نەرسىلەر بېسىلىپ، دومبىيىپ، دۆڭ بولۇپ قالماق، دۆڭ ھالەتكەكەلمەك:[مىسال:] بۇ ئېتىز بەك دۆڭلەپ كەتتى. سۇغىرىش تولىمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ.

دۆڭمۇدۆڭ

  • دۆڭمۇدۆڭ[يەشمىسى:] ئۇ دۆڭدىن بۇ دۆڭگە، دۆڭدىن دۆڭگە:[مىسال:] ئۇلار ھېلىقى مويسىپىتنى ئىزلەپ، دۆڭمۇدۆڭ، چوڭقۇرمۇچوڭقۇر يۈگۈرۈشۈپتۇ.

دۆلەتⅠ

  • دۆلەتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مۇئەييەن بىر سىنىپنىڭ ھۆكۈمرانلىق قورالى يەنى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپ ئۈستىدىن دىكتاتورا يۈرگۈزۈشىدىكى زوراۋانلىق تەشكىلى. ئاساسەن ئارمىيە، ساقچى، سوت تۈرمە قاتارلىقلاردىن تەشكىللىنىدۇ:[مىسال:] دۆلەت ئاپپاراتى. دۆلەت بايرىقى. دۆلەت قۇرماق.[يەشمىسى:] ② بىر دۆلەتكە قاراشلىق پۈتكۈل زېمىن:[مىسال:] دۆلەت تەۋەلىكى. دۆلەت چېگىرىسى.

دۆلەتⅡ

  • دۆلەتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مال-دۇنيا، بايلىق:[مىسال:] ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەخت-پاراغەت، راھەت، ھالاۋەت:[مىسال:] تەن ساقلىق-دۆلەت ئىكەن.[يەشمىسى:] ③ ئەر-ئاياللارنىڭ ئىسمى.

دۆلەت قۇشى قونماق

  • دۆلەت قۇشى قونماق[يەشمىسى:] ئامىتى كەلمەك، بەخت-تەلىيى كەلمەك:[مىسال:] دۆلەت قۇشى قونسا كېلىپ ساڭا ئوغلان، كۆرەڭلىمە، كۆزۈڭگە باق ياخشى ئويلان. ئۆز ئېلىڭگە جاپا ئەمەس، ۋاپا قىلساڭ ئۆزۈڭ كەتسەڭ، روھىڭ كەتمەس، يوقتۇر ئارمان.

دۆلەتلىرى سايىسىدا

  • دۆلەتلىرى سايىسىدا[يەشمىسى:] سىلىنىڭ ھىمايىلىرى، ياردەملىرى، غەمخورلۇقلىرى ئاستىدا:[مىسال:] دۆلەتلىرى سايىسىدا، ھوشۇر ئىمام دېسە، مېنى 12 تاغدا بىلمەيدىغان كىشى يوق، ئەلھەمدۇلىللا

دۆلەتلىكⅠ

  • دۆلەتلىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان، دۆلەت دەرىجىلىك:[مىسال:] دۆلەتلىك كوماندا.[يەشمىسى:] ② دۆلەتكە خاس، دۆلەتكە لايىق:[مىسال:] ئۇلار بۈيۈك دۆلەتلىك رولىنى ئويناشتىن مەھرۇم بولىدۇ.

دۆلەتلىكⅡ

  • دۆلەتلىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مال-دۇنياغا ئىگە، پۇل-مېلى كۆپ باي، پۇلدار:[مىسال:] دۆلەتلىك ئايال.[يەشمىسى:] ② يۈز-ئابرۇيلۇق؛ ئامەتلىك، تەلەيلىك:[مىسال:] دۆلەتلىك بولماق.

دۆلەتمەن

  • دۆلەتمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «دۆلەتلىكⅡ»گە قاراڭ:[مىسال:] دۆلەتمەن ئادەم.

دۆلەتمەنلىك

  • دۆلەتمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باي-باياشاتلىق.

دۆلەتنۇر

  • دۆلەتنۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دۆلەت+نۇر[[يەشمىسى:] ① ئالمىنىڭ ئامېرىكىدا يېتىشتۈرۈلگەن قەدىمكى سورتى. كېيىن ئىلى رايونىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

دۆلىتىڭىزدە

  • دۆلىتىڭىزدە[يەشمىسى:] «دۆلەتلىرى سايىسىدا»غا قاراڭ.

دۆنەن

  • دۆنەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈچ ياشلىق، ئۈچ ياشقا تولغان(ئات ۋە كالا ھەققىدە):[مىسال:] سېمىز دۆنەن ئۆكۈزنىڭ كېرىلگەن بۇرۇنلىرى قىزىرىپ كەتكىنىگە قارىغاندا، ئۇ خېلىلا ئىشلىگەندەك كۆرۈنەتتى.

دۆندۈر

  • دۆندۈر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] بىراقلا، توپى بىلەن، پۈتۈن پېتى، دۇڭ:[مىسال:] ئۇنداق بولسا دۆندۇرلا دېيىشەيلى، ماڭا ئازراق تاپان ھەققى چىقىرىپ بەرسەڭلار بولىدۇ.

دۆنىجىن

  • دۆنىجىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆت ياشلىق كالا.

دۆۋە

  • دۆۋە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر يەرگە توپلىنىپ، ئۈستى-ئۈستىگە ئارتىلىشتىن ھاسىل بولغان ئېگىزلىك، دۈمبەل:[مىسال:] ئەخلەت دۆۋىسى. پاختا دۆۋىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ يېنىدا بىر دۆۋە كىر-قات تۇراتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] لىقمۇلىق، گىرۋىكىدىن ئېگىزلىتىپ:[مىسال:] ئالاھىدىن ئەڭ يوغان تاۋاقنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئېىسل تاشتىن دۆۋە ئاپتۇ.

دۆۋە-دۆۋە

  • دۆۋە-دۆۋە[يەشمىسى:] بىرنەچچە دۆۋە، نۇرغۇن دۆۋە:[مىسال:] شۇنچە چوڭ ھويلاڭدا پۇت باسقۇدەك جايمۇ قالماپتۇ، دېدى كامىل دۆۋە-دۆۋە سەۋزە، چامغۇر، پىيازلارغا قاراپ.

دۆۋىلەتمەك

  • دۆۋىلەتمەك[يەشمىسى:] «دۆۋىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۆۋىلەشمەك

  • دۆۋىلەشمەك[يەشمىسى:] ① «دۆۋىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] توپا دۆۋىلەشمەك.[يەشمىسى:] ② توپلانماق، يىغىلماق:[مىسال:] دىلشاتنىڭ خەۋەر بېرىشى بىلەن تەڭ دۆۋىلىشىۋالغانلار ئىككى چەتكە سۈرۈلۈپ، تار بولسىمۇ، بىر ئادەم ئۆتكۈدەك يول چىقاردى.

دۆۋىلەكلىك

  • دۆۋىلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دۆۋىلەپ قويۇلغان، دۆۋىلەنگەن:[مىسال:] ئۇ دۆۋىلەكلىك تاغارلارنى ئۇيان بۇيان ئۆرۈپ، ساناشقا باشلىدى.

دۆۋىلەنمەك

  • دۆۋىلەنمەك[يەشمىسى:] «دۆۋىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كونا ئېغىلدىكى خىشلار بىر-بىرلەپ مورىنىڭ يېنىغا دۆۋىلەندى.

دۆۋىلىك

  • دۆۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دۆۋىلىرى بار، دۆۋە ھاسىل بولغان:[مىسال:] ئۇلار مېنى قۇم دۆۋىلىك، يۇلغۇنلۇق جاڭگالدا باغلىۋېلىپ تازا ئۇرۇشتى. ∥بىز جاڭگالنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر دۆۋىلىككە بېرىپ يانتاق چاناشقا باشلىدۇق.

دۆۋىلىمەك

  • دۆۋىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىغىپ، توپلاپ بىر يەرگە جەم قىلماق:[مىسال:] ئۇلار چوڭ-چوڭ تاشلارنى دۈمبىسىدە كۆتۈرۈپ تەشمە يولىغا دۆۋىلەۋاتاتتى.

دۆيلۈشمەك

  • دۆيلۈشمەك[يەشمىسى:] «دۆيلۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دۆيلۈمەك

  • دۆيلۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سىلكىنىپ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرماق:[مىسال:] بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا دۆيلۈپ بېشىنى ئارقىسىغا سىلكىيتتى.[يەشمىسى:] ② چوڭ-چوڭ، تېز-تېز قەدەم ئالماق:[مىسال:] ئۇ ئالدىمىزدا دۆيلۈپ ماڭغاچقا، بىز كىچىكلەر يېتىشەلمىدۇق.

دۆيۈز

  • دۆيۈز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]دۆ+يۈز[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] يۈزى قېلىن، پەسكەش، يۈزسىز، نومۇسسىز:[مىسال:] − ھە شۇنداقمۇ تېخى، − دېدى تۇغرۇلبەگ غەزەپلىنىپ − بۇ دۆيۈزلەرنىڭ ئەدىپىنى ئۆزۈم بېرىمەن.

دۆيۈزلۈك

  • دۆيۈزلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈزسىزلىك، پەسكەشلىك:[مىسال:] دۆيۈزلۈك قىلما سەن دېدى ئۇ ئالىمغا ۋارقىراپ.

دۈپ

  • دۈپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يۈرەكنىڭ جىددىي سوقۇشىدىن پەيدا بولىدىغان ئاۋاز.

دۈپ-دۈپ

  • دۈپ-دۈپ[يەشمىسى:] «دۈپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى ئىمىننىڭ قەدىمىگە تەڭكەش بولۇپ دۈپ-دۈپ سوقماقتا ئىدى.

دۈپۈر

  • دۈپۈر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ يۈگۈرۈشى ياكى ئىتتىك مېڭىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئىششىك ئارقىسىدىن قاراۋۇلنىڭ ئاياغ دۈپۈرى ئاڭلاندى.

دۈپۈر-دۈپۈر

  • دۈپۈر-دۈپۈر[يەشمىسى:] «دۈپۈر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئۆتۈشۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ دۈپۈر-دۈپۈر ئاۋازى پەسىيىپ كەتتى.

دۈپۈرلەتمەك

  • دۈپۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «دۈپۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىرچاغدا ھېلىقى ئوغرى ئاتلارنى دۈپۈرلىتىپ شۇ كوچا بىلەن ساراينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ.

دۈپۈرلەشمەك

  • دۈپۈرلەشمەك[يەشمىسى:] «دۈپۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] جاللاتلار دۈپۈرلىشىپ كېلىپ ياقۇپنى تۇشمۇتۇشتىن جادىغا ياتقۇزۇشقا باشلاپتۇ.

دۈپۈرلىمەك

  • دۈپۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دۈپۈر-دۈپۈر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دۈپۈر-دۈپۈر» قىلماق:[مىسال:] دۈپۈرلەپ كېلىۋاتقان باسمىچىلار بىردىنلا تاغ كەينىگە قايرىلدى.

دۈپۈلدەتمەك

  • دۈپۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «دۈپۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دۈپۈلدەشمەك

  • دۈپۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «دۈپۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قورقۇنچتىن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى دۈپۈلدىشىپ، نەپەسلىرى قىيىنلاشماقتا.

دۈپۈلدىمەك

  • دۈپۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دۈپ-دۈپ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دۈپ-دۈپ»قىلماق:[مىسال:] «ئاجرىشىپ كەتسەم...» دېگەن سۆزدىن كېيىن ماھىرەنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ مېڭىسىگە قان ئۆرلەپ كەتتى.

دۈت

  • دۈت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ماتورلۇق قاتناش قوراللىرى سىگنال بەرگەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] دۈت-دۈت-دۈت... ئىلدام چەتكە ئۆت.

دۈت-دۈت

  • دۈت-دۈت[يەشمىسى:] «دۈت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

دۈتۈلدەتمەك

  • دۈتۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «دۈتۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ماشىنىسىنى دۈتۈلدىتىپ، بىزنى يولنىڭ چېتىدە تۇرۇشقا ئۈندىدى.

دۈتۈلدىمەك

  • دۈتۈلدىمەك[يەشمىسى:] «دۈت-دۈت»قىلغان ئاۋاز چىقارماق «دۈت-دۈت» قىلماق.

دۈدۈت

  • دۈدۈت[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ماتورلۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ ئارقىمۇئارقا سىگنال بېرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. بال س.[يەشمىسى:] ئاپتوبومىل، تراكتور قاتارلىق ماتورلۇق قاتناش ياكى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى:[مىسال:] ماڭە بالام ئۆيگە كىرىۋالايلى، دۈدۈت كەلسە بېسىۋالىدۇ، دېدى شازادىخان نەۋرىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ.

دۈدۈك

  • دۈدۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پۇشتەكⅠ»گە قاراڭ.

دۈدۈيزە

  • دۈدۈيزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] جۈپلەپ ئويلىنىدىغان بىر خىل قارتا ئويۇنى.

دۈر

  • دۈر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم، ھايۋان ياكى قۇشلار توپىنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بىرلىكتە تېزلىك بىلەن يۆتكىلىشى ياكى مېڭىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] كىشىلەر توپى دۈر قىلىپ، يىغىن زالىغا ئېتىلدى. ھاكىمنىڭ كۆزلىرى چۆچەكتەك ئېچىلىپ، نەپىسى تېزلىشىشكە باشلىدى. * قوتان ئىشىكى ئېچىلىش بىلەن تەڭ قوتاندىكى ماللار دۈر قىلىپلا سىرتقا يۈگۈرۈشتى.

دۈر-دۈر

  • دۈر-دۈر[يەشمىسى:] «دۈر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] كۆزلىرىدىن ئوت يانغان كىشىلەر كوچىلاردا چايقىلىپ، دۈر-دۈر قىلىپ ئۇ يان-بۇ يان دولقۇنلايتتى.

دۈررىدە

  • دۈررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «دۈر» قىلغان ھالدا، «دۈر» قىلىپ:[مىسال:] كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كىمدۇر بىرىنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن دۈررىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشتى-دە، ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى.

دۈركۈن

  • دۈركۈن [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەينى-كەينىدىن، [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپ، نۇرغۇن.

دۈركىرەشمەك

  • دۈركىرەشمەك[يەشمىسى:] «دۈركىرىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دۈركىرىمەك

  • دۈركىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دۈرۈلدىمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىسمى-زاتى ئېغىزدىن چىقىش بىلەن تەڭلا، سىرتتىكى يايىلار دۈركىرەپ بۇتخىانىغا كىرىشتى.

دۈرۈك

  • دۈرۈك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلار يەرگە قاتتىقراق دەسسەپ ماڭغاندا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] دۈرۈك قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قادىر قۇلىقىمغا پىچىرلاپ:[مىسال:] «ئۇ باغقا چۈشۈپ بولدى» دېدى.

دۈرۈك-دۈرۈك

  • دۈرۈك-دۈرۈك[يەشمىسى:] «دۈرۈك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

دۈرۈككىدە

  • دۈرۈككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «دۈرۈك» قىلغان ھالدا، «دۈرۈك» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ بىر يېتىمئوغلاق، -دەيدۇ ئۆمەر باي، بىراق قىزىمنىڭ مايىللىقى قاتتىق. ئىككىسى گەپنى بىر قىلىپ، دۈرۈككىدە قېچىپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.

دۈرۈلدەتمەك

  • دۈرۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «دۈرۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ يايلاقتىكى ئاتلارنى دۈرۈلدىتىپ ھەيدەپ تاغ باغرىدىكى قوتانغا سولىدى.

دۈرۈلدەشمەك

  • دۈرۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «دۈرۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىلەر دۈرۈلدىشىپ كەلگەن بويى كالتەك-چوماقلار بىلەن ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئورۇۋاتقۇدەكمىش.

دۈرۈلدىمەك

  • دۈرۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دۈر-دۈر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دۈر-دۈر» قىلماق:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار توپ-توپى بىلەن دۈرۈلدەپ كوچىغا يۈگۈردى.

دۈشەنبە

  • دۈشەنبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەپتىنىڭ يەكشەنبىدىن كېيىن سەيشەنبىدىن بۇرۇن كېلىدىغان، بىرىنچى كۈنى.

دۈشەنبە بازار

  • دۈشەنبە بازار[يەشمىسى:] ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بولىدىغان بازار ۋە شۇ كۈنى بازار قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن جاي.

دۈشەنبىلىك

  • دۈشەنبىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان، دۈشەنبە كۈنى قىلىنىدىغان:[مىسال:] ئۇلار دۈشەنبىلىك ئىشلارنى ئالدىن پىلانلاپ قويدى.

دۈشمەن

  • دۈشمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۇرۇش-جەڭلەردە مەلۇم بىر تەرەپكە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچى يەنە بىر تەرەپ؛ ياۋ:[مىسال:] دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كېچىسى پايلا (ماقال).[يەشمىسى:] ② دۇنياقاراش، غايە، مەنپەئەت جەھەتتە ئۆزىگە قارىمۇقارشى بولغان كىشى ياكى گۇرۇھ؛ رەقىب:[مىسال:] يېغى ياندىن قوپار، دۈشمەن تاپاندىن (ماقال).[يەشمىسى:] ③ زىيان سالىدىغان يامانلىق قىلىدىغان كىشى، رەقىب:[مىسال:] كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن (ماقال).[يەشمىسى:] ④ كىشى ياكى نەرسىگە زىيان سالغۇچى نەرسە ياكى ھادىسە:[مىسال:] چېكەتكە زىرائەتكە دۈشمەن (ماقال).

دۈشمەنسىز

  • دۈشمەنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دۈشمەندىن خالىي، ھېچقانداق دۈشمىنى بولمىغان:[مىسال:] باتۇر دۈشمەنسىز بولماس (ماقال).

دۈشمەنلەرچە

  • دۈشمەنلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دۈشمەنلەرگە ئوخشاش، دۈشمەنلەردەك:[مىسال:] ئۇ ئەمدى ماڭا كۆزلىرىنى پرقىرىتىپ دۈشمەنلەرچە ھومىيىشقا باشلىدى. ∥بىز ھەرقانداق دۈشمەنلەرچە سۆز-ھەرىكەتلەرنى قوبۇل قىلالمايمىز.

دۈشمەنلەشتۈرمەك

  • دۈشمەنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «دۈشمەنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دۈشمەن دۈشمەنلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

دۈشمەنلەشمەك

  • دۈشمەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا قارشىلاشماق؛ دۈشمەنلىك مەۋقەسىدە تۇرۇشماق:[مىسال:] ئۇلار ئەمدى خۇددى ئىت بىلەن مۈشۈكتەك ئاشكارا دۈشمەنلىشىش ھالىتىگە يېتىپتۇ.

دۈشمەنلىك

  • دۈشمەنلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە دۈشمەن بولۇش ھالىتى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇلار بىر-بىرىگە غەزەپلەنمەي قارىيالمايدىغان بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دۈشمىنى بار، دۈشمىنى بولغان:[مىسال:] دۈشمەنلىك ئادەم. دۈشمەنلىك بولماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] دۈشمەنگە خاس، دۈشمەنلەرگە ئوخشاش:[مىسال:] ئۇنتۇلار شۇ چاغدا تارتقان جاپالار، مەسخىرە، مازاقلار، دۈشمەنلىك قاراش. غورۇرۇم بۇلاركى ئوق ئۆتمەس قالقان، تەنىلەر تاپالماس قەلبىمدىن ئاراچ.

دۈك

  • دۈك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] بۇ ئېچىنىشلىق ئاۋازدىن يۈرىكىم دۈك قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولاشتى.

دۈك-دۈك

  • دۈك-دۈك[يەشمىسى:] «دۈك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى دۈك-دۈك ئۇراتتى. ئۇ يەنە تاشقىرىغا قارىدى-يۇ، چىقىشتىن ئەيمىنىپ قالدى.

دۈكۈر

  • دۈكۈر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىتتىك مېڭىش ياكى يۈگۈرۈشتىن پەيدا بولغان ئاۋاز.

دۈكۈر-دۈكۈر

  • دۈكۈر-دۈكۈر[يەشمىسى:] «دۈكۈر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] تاختاي يولدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ دۈكۈر-دۈكۈرى بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا ئىدى.

دۈكۈرلەتمەك

  • دۈكۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «دۈكۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۈكۈرلەشمەك

  • دۈكۈرلەشمەك[يەشمىسى:] «دۈكۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەر-ئايال دېھقانلار، ئەتراپتىكى ئۇششاق بالىلارنىڭ ھەممىسى دۈكۈرلىشىپ مەكتەپكە كىرىشتى.

دۈكۈرلىمەك

  • دۈكۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دۈكۈر-دۈكۈر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دۈكۈر-دۈكۈر» قىلماق:[مىسال:] بىردىنلا، ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈكۈرلىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

دۈكۈلدەتمەك

  • دۈكۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «دۈكۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەربىر قارىشى بىچارە قىزنىڭ يۈرىكىنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈكۈلدىتىپ ئۆتەتتى.

دۈكۈلدەشمەك

  • دۈكۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «دۈكۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دۈكۈلدىمەك

  • دۈكۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دۈك-دۈك» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دۈك-دۈك» قىلماق:[مىسال:] بۇ ئابىدەم ئۈچۈن شۇنداق كۈتۈلمىگەن ئىش بولدىكى، بىردىن يۈرىكى ئەنسىز دۈكۈلدەپ، پۇتلىرى گىلدىڭلاپ قالدى.

دۈگجۈمەك

  • دۈگجۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سەنتۈرۈلۈپ ياكى ئالدىغا مۈدۈرلۈپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ بىرلا يۇلقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قولىدىن ئاجراپ كەتتى ۋە ئالدىغا بىرنەچچە قەدەم دۈگجۈپ، بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى.

دۈگدەرەتمەك

  • دۈگدەرەتمەك[يەشمىسى:] «دۈگدەرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۈگدەرەشمەك

  • دۈگدەرەشمەك[يەشمىسى:] «دۈگدەرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] نەيزىلىك مىلتىقلارنى قۇچاقلىغان قوغدىغۇچىلار دۈگدەرىشىپ، چىشلىرىنى كاراسلىتىشىپ يۈرەتتى.

دۈگدەرىمەك

  • دۈگدەرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۈگدۈيۈپ يۈرمەك، دۈگدەيمەك:[مىسال:] بۇ يۇرتنىڭ كۆپچىلىك كىشىلىرى ئاچچىق سوغۇقتىن دۈگدەرەپ، ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئىسسىقى قالمىغان بۇلۇڭلىرىغا كىرىۋېلىشقانىدى.

دۈگدەك

  • دۈگدەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ئىككى مۈرىسى يىغلىپ، غولى قورۇلۇپ، دۈگدىيىپ قالغان:[مىسال:] ئىسلامنىڭ ھېلىقى كىچىك دۈگدىكى بىزنىڭ بالىمىزنى ئۇرۇپتۇ.

دۈگدەيتمەك

  • دۈگدەيتمەك[يەشمىسى:] «دۈگدەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايۇپ ئاكىنىڭ زەھەرلىك قامچىسى ۋە يىغىلغان جامائەتنىڭ سوغۇق، نەپرەتلىك قاراشلىرى ھېلىقى ئىككىسىنى دۈگدەيتىۋەتكەنىدى.

دۈگدەيمەك

  • دۈگدەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇت-قۇلى ۋە ئۇستىخانلىرىنى يىغىپ، مۈرىسىنى چىقىرىپ تۈگۈلۈۋالماق، دوغدايماق:[مىسال:] ئۇ ئايالىنى باشلاپ بالىخانىغا چىققاندا شەمشىدىن رۇجەك تۈۋىدە دۈگدىيىپ ئولتۇراتتى.

دۈگدىيىشمەك

  • دۈگدىيىشمەك[يەشمىسى:] «دۈگدەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دوقمۇش-دوقمۇشتا بۇ شەھەرگە پاناھلىق ئىزلەپ كەلگەن سەرگەردانلار دۈگدىيىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.

دۈگۈلچەك

  • دۈگۈلچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرخىل ئويۇنچۇق، ئادەتتە ئىنچىكە پولات چىۋىقىنى چەمبەر شەكلىدە ئېگىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. دىئامېتىرى 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە مەخسۇس ياسالغان تۆمۈر ئىلمىكى بولۇپ، ئوينىغاندا ئىتتىرىش ۋە باشقۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

دۈگىلەتمەك

  • دۈگىلەتمەك[يەشمىسى:] «دۈگىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەلكۈن تاشلارنى دۈگىلىتىپ قىرغاقلارغا تاشلايتتى.

دۈگىلەشمەك

  • دۈگىلەشمەك[يەشمىسى:] «دۈگىلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دۈگىلەك

  • دۈگىلەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئايلانما شەكىللىك، ئايلانما؛ يۇمىلاق:[مىسال:] رازۋېدكىچىلار داق يەرگىلا داستىخان سېلىپ دۈگىلەك ھالەتتە ئولتۇرۇشتى.

دۈگىلەنمەك

  • دۈگىلەنمەك[يەشمىسى:] ① «دۈگىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز دائىم قۇم ئۈستىدە دۈگىلىنىپ ئوينايتتۇق.[يەشمىسى:] ② «دۈگىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۇيۇقسىز تۇلۇقنىڭ ئارغامچىسى ئۈزۈلۈپ كەتتى-دە، تۇلۇق پەسكە قاراپ دۈگىلىنىپ چۈشۈشكە باشلىدى.

دۈگىلىمەك

  • دۈگىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دومىلىماق، يۇمىلىماق:[مىسال:] ئامۇت تېزدىن دۈگىلەپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى.

دۈم

  • دۈم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① تىز ۋە كۆكرىكى يەرگە ياكى يەر بىلەن ئوخشاش يۆلىنىشلىك تەكشىلىككە تېگىپ تۇرغان ھالدا، «ئوڭدا» نىڭ ئەكسىچە (ئادەملەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ ئۆرۈلۈپ دۈم بولۇۋالدى.[يەشمىسى:] ② ئوڭ (ئالدى) تەرىپى، ئاغزى يەرگە، تەتۈر (كەينى) تەرىپى ئاسمانغا بولۇپ قالغان:[مىسال:] سۇ ئۈستىدە دۈم بولۇپ قالغان قولۋاق[مىسال:] لەيلەپ كېتىپ باراتتى.

دۈمبە

  • دۈمبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ① گەۋدىنىڭ بىر قىسمى، يەنى مەيدە بىلەن قورساقنىڭ كەينى قىسمى.[يەشمىسى:] ② بەزى نەرسىلەرنىڭ ئارقا تەرىپى، كەينى قىسمى.

دۈمبىسى ئاپتاپ كۆرمەك

  • دۈمبىسى ئاپتاپ كۆرمەك[يەشمىسى:] راھەت كۆرمەك، بەخت ھالاۋەتكە ئېرىشمەك:[مىسال:] دۈمبىمىز ئاپتاپ كۆرەرمىكىن دېۋىدىم، يەنە يېغى كېلىپتۇ-دە

دۈمبىسى قىچىشسا، گەدىنىنى تاتىلايدىغان

  • دۈمبىسى قىچىشسا، گەدىنىنى تاتىلايدىغان[يەشمىسى:] قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماي، ئەھمىيەتسىز باشقا ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرىدىغان؛ ھاڭۋاقتى؛ ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان، ھاماقەت، دۆت.

دۈمبىسى قىچىشماق

  • دۈمبىسى قىچىشماق[يەشمىسى:] ① تاياق يېگۈسى كەلمەك:[مىسال:] دۈمبەڭ قىچىشىۋاتىدۇ-ھە، بەتقىلىق نېرى تۇرا، دېدى ئۇ ئىنىسىنى دولىسىدىن ئىتتىرىۋېتىپ.[يەشمىسى:] ② دۈمبىسىدە بىرنەرسە كۆتۈرگىسى، يۆتكىگۈسى كەلمەك:[مىسال:] ھاممالچىلىق مېنىڭ كونا كەسپىم، بۇ ئىشقا كۆنۈپ قېلىپتىمەن بىرەر كۈن يۈك كۆتۈرمىسەم دۈمبەم قىچىشىپ، كۆڭلۈممۇ بىئارام بولۇپ قالىدۇ.

دۈمبەل

  • دۈمبەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەكشى يەرگە نىسبەتەن سەل دومبىيىپ، كۆتۈرۈلۈپ قالغان يەر؛ تۆپە، ئېگىزلىك:[مىسال:] يەرنىڭ دۈمبېلىنى ئالماق.

دۈمبەلچە

  • دۈمبەلچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك دۈمبەل.

دۈمبەلچەك

  • دۈمبەلچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «دۈمبەلچە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغان «قۇلاق كەستى» بىلەن يول بويىدىكى پاكار دۈمبەلچەككە چىقىپ، تېزەك تەرگەن پېتىچە ساتما تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان بىر كىشىنى كۆزىتىپ تۇردى.

دۈمبىجىگەر

  • دۈمبىجىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دۈمبە+جىگەر[[يەشمىسى:] ① سۇدا پىشۇرۇلغان جىگەر بىلەن قۇيرۇق ياغنى يالپاقلاپ، ئازراق پىياز سېلىپ، بىللە قورۇپ يەيدىغان تاماق تۈرى.[يەشمىسى:] ② جىگەر بىلەن قۇيرۇق ياغنى يالپاقلاپ توغراپ، تۇخۇم، دورا-دەرمان ئارىلاشتۇرۇپ كاۋاپدانغا قويۇپ پىشۇرۇلىدىغان بىرخىل كاۋاپ.

دۈمبىچىلەپ

  • دۈمبىچىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دۈمبىسىنى يەرگە قارىتىپ، ئوڭدا ھالەتتە:[مىسال:] دۈمبىچىلەپ ئۈزمەك.

دۈمبىچىلىمەك

  • دۈمبىچىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دۈمبىسىنى يەرگە قاراتماق، ئوڭدىسىغا توغرىلانماق.

دۈمبىلىك

  • دۈمبىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋىغا قوشۇلغان يانداق ئاتنىڭ ئارغامچىسى ئاتنىڭ پۇتىغا كىرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى كۈتۈرۈپ تۇرىدىغان بەلۋاغ.

دۈمچە

  • دۈمچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەل ئومۇرتقىسى بىلەن قۇيرۇق ئومۇرتقىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇستىخان.

دۈمچە تۇماق

  • دۈمچە تۇماق[يەشمىسى:] چۆرىسىگە قاسقان تۇتۇپ تىكىلگەن تۇماق.

دۈمچەك

  • دۈمچەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەددى ئالدىغا ئېگىلىپ قالغان ياكى ئېڭىشىپ ماڭىدىغان، دۈمچەيگەن:[مىسال:] دۈمچەك ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەملەردىكى ئومۇرتقا ئېگىلىپ، كەينى تەرەپكە كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىغان بىرخىل كېسەللىك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم:[مىسال:] ھېلىقى دۈمچەك مېنى كۆرۈپلا غىپپىدە تىكىۋەتتى.

دۈمچەيتمەك

  • دۈمچەيتمەك[يەشمىسى:] «دۈمچەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يىللار ئۇلارنى دۈمچەيتتى.

دۈمچەيمەك

  • دۈمچەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بېلى ئېگىلىپ دۈمبىسى چىقىپ قالماق، قەددى پۈكۈلمەك:[مىسال:] يولدا ئۇلارغا دۈمچىيىپ كەتكەن بىر موماي ئۇچراپتۇ.[يەشمىسى:] ② قەددىنى ئالدىغا ئەگمەك، بېلىنى پۈكمەك، ئېڭىشمەك:[مىسال:] قۇللار بېشىنى يەرگە قويغىنىچە دۈمچىيىپ ئولتۇرۇشاتتى.

دۈمچىيىشمەك

  • دۈمچىيىشمەك[يەشمىسى:] «دۈمچەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دۈم-دۈم

  • دۈم-دۈم[يەشمىسى:] بىرخىل بالىلار ئويۇنى. ئۇنىڭدا بىرەيلەننىڭ كۆزىنى يۇمۇپ، ئەتراپتىكىلەردىن بىرى دۈمبىسىگە ئۇرىدۇ. كۆزى يۇمۇلغۇچى ئۇرغان كىشىنى تاپالىسا، ئۇرغۇچى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ كۆزىنى يۇمغۇچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ؛ تاپالمىسا، كۆزى يۇمۇلغۇچى يەنە ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ. ئويۇن شۇ تەرزدە داۋاملىشىدۇ.

دۈملەتمەك

  • دۈملەتمەك[يەشمىسى:] «دۈملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۈملەشمەك

  • دۈملەشمەك[يەشمىسى:] «دۈملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دۈملەنمەك

  • دۈملەنمەك[يەشمىسى:] ① «دۈملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆيدە تازا دۈملىنىپ بىر كۈن يېتىۋېدىم، ئوڭشىلىپ قالدىم، دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.[يەشمىسى:] ② «دۈملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىز دائىم پولۇ دۈملەنگەن كۈنى خۇددى ھېيت بولغاندەك خۇش بولۇپ كېتەتتۇق.

دۈملىمە

  • دۈملىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دۈملەپ پىشۇرۇلىدىغان:[مىسال:] دۈملىمە سامسا. دۈملىمە كاۋاپ.[يەشمىسى:] ② دۈملەپ تەييارلىنىدىغان:[مىسال:] دۈملىمە ئوغۇت.

دۈملىمەك

  • دۈملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى، يوچۇقىنى ھور ياكى ئىسسىقلىق چىقىپ كېتەلمەيدىغان دەرىجىدە مەھكەم ئەتمەك:[مىسال:] ئۇ ئوتنى ئۇچۇرۇپ قازاننى دۈملىدى.[يەشمىسى:] ② ئۈستىگە يوتقان-كۆرپە ياكى جۇۋىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى يېپىپ، مەھكەم يۆگەپ قويماق؛ پۈركىمەك، چۈمكىمەك:[مىسال:] گۆش پىشقۇچىلىك ھاكىمنى راسا دۈملەپ ياتقۇزۇپ قويدى.

دۈۋەت

  • دۈۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سىياھ قاچىلايدىغان مەخسۇس كىچىك قۇتا، سىياھ قۇتىسى.

دۈۋەت-قەلەم

  • دۈۋەت-قەلەم[يەشمىسى:] دۈۋەت ۋە قەلەم:[مىسال:] موللانىياز يېزىۋاتقان نەزمىسىنى تۈگىتىپ دۈۋەت-قەلەمنى توختى بوۋايغا تۇتقۇزدى.

دۈي

  • دۈي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مەلۇم خاراكتېرگە ئىگە گۇرۇپپا ياكى ئەترەت:[مىسال:] ئىشلەپچىقىرىش دۈيى. قۇرۇلۇش دۈيى.

دۈيجاڭ

  • دۈيجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] دۈينىڭ (ئەترەتنىڭ) باشلىقى.

دۈيجاڭلىق

  • دۈيجاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۈيجاڭغا يۈكلەنگەن ئەمەل، ۋەزىپە.

دۈيزە

  • دۈيزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] دۈدۈيزە ئويۇنىدا ئىككى قارتىنىڭ چېكىت ۋە رەڭلىرى پارھالەتتە جۈپلىشىشى.

دۈيلەشتۈرمەك

  • دۈيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «دۈيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دۈيلەشتۈرۈلمەك

  • دۈيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «دۈيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دۈيلەشمەك

  • دۈيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۈزلەشمەك، دەرقەم تۇرۇپ ئېنىقلىماق:[مىسال:] ئۇنداق بولسا ھازىر بېرىپ دۈيلىشىمەن.[يەشمىسى:] ② ئوخشاش چىقماق، بىردەك چىقماق:[مىسال:] ھېسابات ئەمدى دۈيلەشتى.

دۋىگاتېل

  • دۋىگاتېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] باشقا ئېنېرگىيىلەرنى مېخانىكىلىق ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ماشىنا:[مىسال:] ئېلېكتر دۋىگاتېلى. ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل.

دې

  • دې[يەشمىسى:] «د»[يەشمىسى:] ھەرپىنىڭ نامى.

دېبۇ

  • دېبۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاۋۇ، ئاشۇ.

دېبۈت

  • دېبۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاۋۇ يەر.

دېبېت

  • دېبېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ھېسابات دەپتىرىنىڭ سول تەرىپى. ئۇنىڭغا ئاشقان مەبلەغ، كېمەيگەن قەرز ۋە كېمەيگەن ساپ قىممەت قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ.

دېتال

  • دېتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ماشىنا، مېخانىزم قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر بۆلىكى، پارچە قىسمى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن بىرەر ئىش، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىي قىسمى، بۆلىكى.

دېتسبېل

  • دېتسبېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>قىز<[يەشمىسى:] ئاۋازنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ياكى توك قۇۋۋىتىنىڭ نىسپىي چوڭ-كىچىكلىكىنى ھېسابلاش بىرلىكى.

دېتسىگرام

  • دېتسىگرام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+فران[[يەشمىسى:] ئوندىن بىر گرامغا تەڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى.

دېتسىلىتىر

  • دېتسىلىتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+فىران[[يەشمىسى:] ئوندىن بىر لىتىرغا تەڭ سۇيۇقلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.

دېتسىمېتىر

  • دېتسىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[يەشمىسى:] ئوندىن بىر مېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.

دېتسىمېتىرلىق

  • دېتسىمېتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. دېتسىمېتىر كېلىدىغان، دېتسىمېتىر چىقىدىغان.

دېتسىمىللىمېتىر

  • دېتسىمىللىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[يەشمىسى:] ئون مىڭدىن بىر مېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.

دېتېرمىنىزم

  • دېتېرمىنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] تەبىئەتۋە جەمئىيەتتىكى ھەممە ھادىسىلەر قانۇنىيەتكە، مۇقەررەرلىككە ئىگە، ئۇلار بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ دەپ قارايدىغان ماتېرىيالىزملىق تەلىمات.

دېدەك

  • دېدەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئايال ئۆي خىزمەتچىسى، ئايال چاكار.

دېدەكلىك

  • دېدەكلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاكارلىق (ئايال خىزمەتكارلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ لەئەل شاھ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن خانىشنىڭ ۋەدىسى بويىچە دېدەكلىكتىن ئازاد بولۇپ لەئەل شاھنى تەربىيىلىگۈچى ئىنىكئانا بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دېدەكلەرگە خاس، دېدەكلەر كىيىدىغان:[مىسال:] ساقايسۇن دېدىم بېشى، پاتىمە كىيسۇن دېدەكلىك كىيىمى، زۆھرە تاقىسۇن كېنىزەكلىك گۈل-تاجى، دەپتۇ شاھزادە.

دېدۇكسىيە

  • دېدۇكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] ئومۇمىي ھالەتتىن خۇسۇسىي ھالەتكە ئۆتۈپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش؛ ئومۇمىي ھالەتتىن جۈزئىي نەتىجە چىقىرىش (يەنى ئىندۇكسىيىنىڭ ئەكسى).

دېدۇكسىيىلىك

  • دېدۇكسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] دېدۇكسىيىگە ئائىت، دېدۇكسىيىگە ئاساسلانغان:[مىسال:] دېدۇكسىيىلىك ئەقلىي خۇلاسە.

دېدىقتۇرماق

  • دېدىقتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىزىقتۇرماق، ئىنتىلدۈرمەك.

دېدىقماق

  • دېدىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىزىقماق، ئىنتىلمەك.

دېرەپتا

  • دېرەپتا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەڭ، تەپمۇتەڭ، بىردەك.

دېرەك

  • دېرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر يەردىن بىركىم ياكى بىرنەرسە ھەققىدە ئېلىنغان خەۋەر؛ ئۇچۇر:[مىسال:] ئىككى كۈنگىچە ھېچ يەردىن قىزنىڭ دېرىكى چىقمىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىدىن دالالەت بېرىدىغان ئالامەت، بەلگە، نىشانە:[مىسال:] ئۇنىڭ ھۆل ئۆتۈكى ۋە لاي يۇققان شەپكىسى جاپالىق، جەڭگىۋار ئىشلىرىدىن دېرەك بېرەتتى.

دېرەكسىز

  • دېرەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىز-دېرىكى يوق، خەۋەر قىلىپ قويماي، خەۋەر بەرمەي:[مىسال:] ئۇ ئادەم ئىككى ئايدىن كېيىن دېرەكسىز يوقاپ كېتىپتۇ.

دېرەكلىمەك

  • دېرەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دېرىكىنى ئالماق، خەۋىرىنى ئالماق، ئۇقۇشماق؛ سۈرۈشتە قىلماق، سۈرۈشتۈرمەك:[مىسال:] يۈتكەن ئاتلىرىڭنى دېرەكلىدۇق.

دېرىزە

  • دېرىزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] قۇياش نۇرى ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۆينىڭ تېمىغا ئورنىتىلىدىغان ئەينەكلىك قۇرۇلما؛ رام، پەنجىرە.

دېرىزىلىك

  • دېرىزىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دېرىزىسى بار، دېرىزە قويۇلغان:[مىسال:] دېرىزىلىك ئۆي. دېرىزىلىك زال.

دېزىنفېكسىيە

  • دېزىنفېكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] فىزىكىلىق ئۇسۇللار ياكى خىمىيىۋى دورىلار ئارقىلىق كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆلتۈرۈش ئۇسسۇلى:[مىسال:] دېزىنفېكسىيە قىلماق.

دېزىنفېكسىيىلەتمەك

  • دېزىنفېكسىيىلەتمەك[يەشمىسى:] «دېزىنفېكسىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دېزىنفېكسىيىلەشمەك

  • دېزىنفېكسىيىلەشمەك[يەشمىسى:] «دېزىنفېكسىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دېزىنفېكسىيىلەنمەك

  • دېزىنفېكسىيىلەنمەك[يەشمىسى:] «دېزىنفېكسىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئوكۇل يىڭنىسى دېزىنفېكسىيىلەندى.

دېزىنفېكسىيىلىمەك

  • دېزىنفېكسىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دېزىنفېكسىيە قىلماق، زەھەرسىزلەندۈرمەك:[مىسال:] داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى دېزىنفېكسىيىلىمەك.

دېسەم-دېمىسەم

  • دېسەم-دېمىسەم[يەشمىسى:] ئېھتىمال، بەلكىم؛ ھەرقاچان:[مىسال:] دېسەم-دېمىسەم قىزغا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلى بار، دېدى ئۇ كىشى.

دېفورماتسىيە

  • دېفورماتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملاردا سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ھاسىل بولغان شەكىل ياكى ھەجىم جەھەتتىكى ئۆزگىرىش، ئاساسلىق دېفورماتسىيىلەر: سوزۇلۇش دېفورماتسىيىسى، بۇرۇلۇش دېفورماتسىيىسى، ئېگىلىش دېفورماتسىيىسى ۋە سىلجىش دېفورماتسىيىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

دېكابىر

  • دېكابىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① قەدىمكى رىم پادىشاھلىرىدىن (پاپالىرىدىن) بىرىنىڭ نامى، ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئون ئىككىنچى ئاينى شۇنىڭ نامىدا ئاتىغان. [يەشمىسى:] ② مىلادىيە كالېندارىدا ئون ئىككىنچى ئاي.

دېكاگرام

  • دېكاگرام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئون گرامغا تەڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى.

دېكالىتىر

  • دېكالىتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+فران[[يەشمىسى:] ئون لىتىرغا تەڭ سۇيۇقلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.

دېكامېتىر

  • دېكامېتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئون مېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.

دېكلاراتسىيە

  • دېكلاراتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] پارتىيە ياكى ھۆكۈمەت بىرەر مۇھىم سىياسىي مەسىلە يۈزىسىدىن ئېلان قىلغان خىتابنامە، بايانات.

دېكلاماتسىيە

  • دېكلاماتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىرىي ئەسەرلەرنى چىرايلىق، تەسىرلىك قىلىپ، ئۈنلۈك يادقا ئوقۇش سەنئىتى ۋە شۇنداق ئوقۇشنىڭ ئۆزى:[مىسال:] دېكلاماتسىيە قىلماق.

دېكلاماتسىيىچى

  • دېكلاماتسىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېكلاماتسىيە قىلىدىغان كىشى.

دېكوراتسىيە

  • دېكوراتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] سەھنىدە تەسۋىرىلىنىۋاتقان ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ئورنى ۋە شارائىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىم، ئارخېتېكتور ئىنشائاتلىرى، تۈرلۈك بېزەكلەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى.

دېكوراتور

  • دېكوراتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] دېكوراتسىيە سىزغۇچى رەسسام.

دېكىسترىن

  • دېكىسترىن[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، كراخمالدىن پايدىلىنىپ ياسىلىدۇ.

دېكىنمەك

  • دېكىنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئورنىدا تۇرۇپ ئاچچىقلاپ دىۋىنماق.

دېگەن

  • دېگەن[يەشمىسى:] ① «دېمەكⅠ» پېئىلىنىڭ سۈپەتدىشى:[مىسال:] بۇ سۆزنى ئۇنىڭغا مەن دېگەن. * ساڭا بۇ ئىشنى كىم دېگەن؟[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسىملىك، ناملىق؛ ئىسمى، نامى بىلەن ئاتىلىدىغان:[مىسال:] قارا تورۇققا مىنگىنى ئامانقۇل بولۇپ، جەدە قاشقىغا مىنگىنى رازى دېگەن يىگىت ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] كۆچۈرمە جۈملە ياكى سۆز-ئىبارىلەرنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] كونىلاردا «سەۋر قىلساڭ، غورىدا ھالۋا پىشۇر» دېگەن گەپ بار.

دېگىنى دېگەن

  • دېگىنى دېگەن[يەشمىسى:] «دېگېنىنى قىلماي قويمايدۇ»، «نېمىنى ئويلىسا شۇنى قىلىدۇ»، «گېپى گەپ» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] كاجلىق قىلساڭ قىلىۋەر مېنىڭ دېگىنىم دېگەن ھەددىڭ ئەمەس-دېدى ئۆمەرجان لەيلىگۈلگە.

دېگەنبىلەن

  • دېگەنبىلەن[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[قۇرۇلمىسى:]]دېگەن+بىلەن[[يەشمىسى:] ① دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، قانداقلا بولمىسۇن:[مىسال:] ھەرنېمە دېگەنبىلەن سىز ئۆز ۋاقتىدا تۆمۈر خەلپىگە قوشۇلۇپ، ئوردىغا مۇشت كۆتۈرگەن كىشى.[يەشمىسى:] ② ئەمما، لېكىن، ھەر ھالدا:[مىسال:] دېگەنبىلەن ئۇ تانسىنى قاملاشتۇرۇپ ئوينايدىكەن.

دېگەندە

  • دېگەندە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆتكەندە؛ بولغاندا:[مىسال:] تۇغلۇق كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، ئىككى ھەپتە دېگەندە خەتنى ئېلىپ ھۈسەن شاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ كەپتۇ.

دېگەندەك

  • دېگەندەك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① دېگەنگە ئوخشاش؛ دېگەن بويىچە:[مىسال:] سىلى دېگەندەك بولسا، 300 مېتىر يەرگە دامبا سوقۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ئاسان گەپمۇ * بىز ئۇلارغا پەقەت سەۋزە، پىياز، تۇز، ئوتۇن دېگەندەك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەردۇق.[يەشمىسى:] ② ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئوبدان، ياخشى:[مىسال:] ياسىن نېمە سەۋەبتىندۇر، يەر ھەيدەش ۋەزىپىسىنى دېگەندەك ئورۇندىيالمىدى.[يەشمىسى:] ③ تازا، ناھايىتى:[مىسال:] ئالىمجاننىڭ چىرايى دېگەندەك كېلىشكەن بولمىسىمۇ، گەپ-سۆزى جايىدا، ئەدەپلىك يىگىت ئىدى.[يەشمىسى:] ④ كۆڭلىدە كەچكەندەك، ئويلىغاندەك، كۈتكەندەك:[مىسال:] ئۇ خاتالاشمىغانىدى. دېگەندەك، خۇماخان يېرىم يولدىلا كىچىكئاخۇن تەرەپكە بۇرۇلدى.

دېگەندىكىدەك

  • دېگەندىكىدەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى، ئانچە، ئۇقەدەر، دېيەرلىك:[مىسال:] دېگەندىكىدەك ياخشى ئەمەس.

دېگۈچىلىك

  • دېگۈچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىزغا ئېلىش، سۆزلەش، تەكىتلەپ ئېيتىشقامۇناسىپلىق:[مىسال:] دېگۈچىلىكى بار، دېگۈچىلىكى يوق.

دېگۈدەك

  • دېگۈدەك[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ① كۆپىنچە جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىپ، ئىگىنىڭ ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىش دەرىجىسىنىڭ كۆزلىگەن چەككە يېقىن ياكى ئۇنىڭدىن سەل تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئائىلىسىگە ھەر ئىككى كۈندە دېگۈدەك بىر قېتىم كېلەتتى.[يەشمىسى:] ② ئادەم ۋە نەرسە، ئىش-ھەرىكەت، مەسىلە قاتارلىقلار مىقدارىنىڭ تولۇقلۇق دەرىجىسى كۆزلىگەن چەككە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەممە ئادەمدە دېگۈدەك چوقۇم بىرخىل يوشۇرۇن ئىقتىدار بولىدۇ.

دېگۈزمەك

  • دېگۈزمەك[يەشمىسى:] «دېمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بار — نېمىنى دېگۈزمەيدۇ، يوق — نېمىنى يېگۈزمەيدۇ (ماقال).

دېڭىز

  • دېڭىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوكياننىڭ قۇرۇقلۇققا تۇتاشقان ياكى قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن بىر بۆلىكى، سۈيى تۇزلۇق بولىدۇ:[مىسال:] بالتىق دېڭىزى. قارا دېڭىز. قىزىل دېڭىز.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسە بىلەن قاپلانغان كەڭ مەيدان:[مىسال:] ئادەم دېڭىزى. پاختا دېڭىزى.

دېڭىز مىلى

  • دېڭىز مىلى[يەشمىسى:] دېڭىز-ئوكيانلار ئۈستىدە ئارىلىقلارنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر دېڭىز مىلى ئادەتتە 1852 مېتىرغا تەڭ.

دېڭىز يۇلتۇزى

  • دېڭىز يۇلتۇزى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دېڭىز+يۇلتۇز+ى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تىكەن تېرىلىك ھايۋان. تېنى ياپىلاق، ئۈستىدە چېچىلغان نۇر ھالىتىدە ئورۇنلاشقان بەش يۇلتۇز شەكلىدىكى بەش تال ئېغىز بارماقچىسى بولىدۇ. ئۈستىنى بىر قەۋەت كالتسىيلىق كىچىك تىكەنلەر ئوراپ تۇرىدۇ.

دېڭىزچى

  • دېڭىزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېڭىز-ئوكيانلاردا پاراخوت بىلەن يۈرگەندە پاراخۇت ئىچىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئومۇمىي نامى؛ ماتروس.

دېلتا

  • دېلتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] دەريانىڭ تارماقلىنىپ، كۆل ياكى دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان جايى.

دېلفىن

  • دېلفىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى بىرخىل ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا، بۇرۇن تۆشۈكى بېشىنىڭ ئۈستىدە، ئالدى پۇتى پالاقچىگە ئۆزگەرگەن، دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشايدۇ.

دېلو

  • دېلو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ياكى شەخسكە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىياللار توپلىمى:[مىسال:] دېلو ئاچماق. دېلو تۇرغۇزماق.

دېلىغۇل

  • دېلىغۇل[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلىگە، ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئىككىلىنىدىغان، دەرھال بىر قارارغا كېلەلمەيدىغان؛ ئارىسالدى:[مىسال:] ئالماس سەل دېلىغۇل بولۇپ مايۇرغا قارىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشۋىش:[مىسال:] دېلىغۇل بولماق. دېلىغۇلغا چۈشمەك.

دېلىغۇللۇق

  • دېلىغۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېلىغۇل بولۇش ھالىتى:[مىسال:] دېلىغۇللۇق قىلماق.

دېلىگەي

  • دېلىگەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆز-كۆز، كوزا-كوزاڭ.

دېمەت

  • دېمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ياش قۇرامى تەڭ، تەڭتۇش كىشى:[مىسال:] دائىم ئويۇن-چاقچاق بىلەن ئۆتىدىغان قاسىم قىزىقمۇ، ئۆز دېمەتى بولغان كەم سۆزلۈك ئەنسارىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ∥ نېمە گەپ دەپ سورىدى مەڭلىك نىياز ئۆز دېمەت بىر يىگىتتىن.

دېمەتلىك

  • دېمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر دېمەتتىكى، تەڭ قۇراملىق، تەڭتۈش:[مىسال:] ھوشۇر، ئالىم، ئەخمەتجانلار بىر سىنىپتا ئوقۇغان تەڭ دېمەتلىك ساۋاقداشلاردىن ئىدى. ∥ بىز قۇراملىق پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئوي-خىيالى ئۆز دېمەتلىكلىرىمىز دائىرىسىدىلا ئايلىنىدۇ.

دېمەكⅠ

  • دېمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاغزاكى ياكى يازما رەۋىشتە بىرەر پىكىر بىلدۈرمەك، ئېيتماق، سۆزلىمەك:[مىسال:] ئوقۇدۇم دېگۈچە بىلدىم دېگىن (ماقال). *كەل دېمەك بار، كەت دېمەك يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② دەپ ئاتالماق، دەپ ئېيتىلماق:[مىسال:] بۇ، ئۇنىڭ «ئىجتىمائىي ئىنقىلاب» دېگەن كىتابچىسىدۇر.[يەشمىسى:] ③ ھېسابلىماق، سانىماق:[مىسال:] بالىنى بالا دېمە، شىرنىڭ بالىسىمۇ بالا (ماقال). * بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى گاداي دېمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ④ ئويلىماق؛ پەرەز، مۇلاھىزە قىلماق:[مىسال:] ماقۇل، شۇنداقمۇ دەيلى، ئەمما ئۇ بىز دېگەندەك ئۆزى يالغۇز كەلمەي تۆت-بەش ئادەم بىلەن كەلسە، قانداق قىلىمىز.[يەشمىسى:] ⑤ كۆزلىمەك:[مىسال:] بۇ يولدا مەن سىزنى دەپ كۆپ جاپا چەكتىم. * سېنى دەيمەن. سېنى دەيمەن، باشقىنى يار دېمەيمەن. بىرى مېنى يار دېگىن دەپ ھەسەل بەرسە يېمەيمەن.[يەشمىسى:] ⑥ (پېئىلنىڭ شەرت مەيلىدە كېلىپ)بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرمەك ياكى بېجىرىشكە ئۇرۇنماق:[مىسال:] بىز باشقا ياققا بارالماي ئاچلىقتىن ئۆلەي دېدۇق.[يەشمىسى:] ⑦ ئىسىمداش شەكلىدە جۈملىنىڭ خەۋىرى بولۇپ كېلىپ، «دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ» «دېگەن بولىدۇ» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] بىر ئادەمنى چۈشىنىش — ئۇنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى كۆرۈش دېمەكتۇر.

دېمەكⅡ

  • دېمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] كۆپىنچە جۈملىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئابزاسنىڭ بېشىدا قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىپ، مەزكۇر سۆزنىڭ ئالدىدا ئېيتىلغان پىكىرنىڭ يەكۈنلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دېمەك، ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن تۆت خىلىت ۋە ئۇنى تولۇقلىغۇچى بىرمۇنچە ئامىللارمۇ بولۇشى لازىم.

دېمەكچى

  • دېمەكچى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] پىكىرنى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ تەكىتلەپ ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ پاش قىلغانلىرىغا دەرھال ئىشىنىپمۇ كەتمەيمەن دېمەكچىمەن، ئاۋۋال تەكشۈرۈپ كۆرەيلى، خۇلاسىنى ئاندىن چىقىرايلى.

دېمەككى

  • دېمەككى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «دېمەك»، «بۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى»، «قىسقىسى»، «يىغىپ ئېيتقاندا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دېمەككى، ھازىرقى ئۇيغۇر تېبابىتىنى قەدىمكى يۇنان تېباتىنىڭ داۋامى دەپ خۇلاسە قىلىش تارىخىي ۋە رېئال پاكىتلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

دېمەكلىك

  • دېمەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېيىش، ئېيتىشىش:[مىسال:] ھامىت ئاخىر يەنە باشقا كەلگەننى كۆرەي دېمەكلىك بىلەن قاراملارچە يول تۇتۇپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەنتىگە — ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.

دېموكرات

  • دېموكرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① دېموكراتىيە تەرەپدارى؛ دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى.[يەشمىسى:] ② دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، خەلقپەرۋەر زات.

دېموكراتلاشتۇرماق

  • دېموكراتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «دېموكراتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دېموكراتلاشتۇرۇلماق

  • دېموكراتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «دېموكراتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دېموكراتلاشماق

  • دېموكراتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلماق، دېموكراتىيە يۈرگۈزۈلمەك.

دېموكراتىزم

  • دېموكراتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] دېموكراتىيىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

دېموكراتىزمچى

  • دېموكراتىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېموكراتىزم تەرەپدارى؛ دېموكراتىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كىشى.

دېموكراتىك

  • دېموكراتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان، دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان:[مىسال:] دېموكراتىك ئىنقىلاب. دېموكراتىك تۈزۈم.[يەشمىسى:] ② دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان:[مىسال:] دېموكراتىك زات. دېموكراتىك يازغۇچى.

دېموكراتىيە

  • دېموكراتىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ياكى دۆلەت ئىشلىرىغا قارىتا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى.

دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش

  • دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] دېموكراتىيە ۋە مەركەزلەشتۈرۈش يەنى دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيە.

دېموكراتىيەلەشتۈرمەك

  • دېموكراتىيەلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «دېموكراتىيەلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەملىكىتىمىزدە سوتسىيالىستىك تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

دېموكراتىيەلەشتۈرۈلمەك

  • دېموكراتىيەلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «دېموكراتىيەلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەرقانداق سىياسىي تۈزۈم ئۆز ھاياتىي كۈچىنى ساقلاش ئۈچۈن جەزمەن تولۇق دېموكراتىيەلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.

دېموكراتىيەلەشمەك

  • دېموكراتىيەلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دېموكراتىيە يولغا قويۇلماق، دېموكراتىيە ئىجرا قىلىنماق، دېموكراتىيە ئاساسىغا قۇرۇلماق (دۆلەت، جەمئىيەت ۋە باشقىلار ھەققىدە).

دېمىسىمۇ

  • دېمىسىمۇ[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، «سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ» «قايتا تەكىتلىمىسەكمۇ» دېگەن مەنىلەردە قىستۇرما رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرى يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرگەن.

دېمىغىزا

  • دېمىغىزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دېمىدە+غىزا[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] رەسمىي تاماق يېيىشنىڭ ئارىلىقىدا ئاز-ئاز يېيىلىدىغان تاماق، غىزا.

دېندروبىيۇم

  • دېندروبىيۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] «دېندروبىيۇم چاتقىلى»غا قاراڭ.

دېندروبىيۇم چاتقىلى

  • دېندروبىيۇم چاتقىلى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈلكىمايىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىز تاغلاردىكى قورام تاشلاردا ياكى دەرەخ ئۈستىدە ئۆسىدۇ. غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ قىزىتمىنى قايتۇرۇش، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىش قاتارلىق روللىرى بار.

دېنگى

  • دېنگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] «دېنگى قىزىتمىسى»غا قاراڭ.

دېنگى قىزىتمىسى

  • دېنگى قىزىتمىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇنى بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادەملەرگە قارا پاشا ئارقىلىق يۇقىدۇ. بۇنىڭدا: باش، دۈمبە ۋە بۇغۇملار ئاغرىيدۇ، بىمار قىزىيدۇ، قىزىتما يانغاندىن كېيىن تېرە يۈزىگە قىزىل ئەسۋىگە ئوخشايدىغان تاشما چىقىدۇ.

دېھقان

  • دېھقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇزۇن مۇددەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان، زىرائەت تېرىش ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشى.

دېھقانلار كالېندارى

  • دېھقانلار كالېندارى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قەمەرىيە-شەمسىيە كالېندارىنىڭ بىرخىلى يەنى مەملىكىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى كالېندارلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ئادەتتىكى ھەربىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنۈپ چوڭ ئاي 30 كۈن، كىچىك ئاي 29 كۈن، پۈتۈن بىر يىل 354 ياكى 355 كۈن بويىچە ھېسابلىنىدۇ (قايسى ئاينىڭ چوڭ. قايسى ئاينىڭ كىچىكلىكى بىر يىل بىلەن يەنە بىر يىلدا ئوخشىمايدۇ). بۇنىڭدىكى ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن سانى قۇياش يىلىنىڭكىدىن تەخمىنەن 11 كۈن كەم بولغاچقا، ھەر 19 يىلغا 7 كەبىسە ئېيى قوشۇلىدۇ. كەبىسە ئېيى قوشۇلغان يىللار383 ياكى 384 كۈن بولىدۇ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن، بۇ كالېنداردا يەنە قۇياشنىڭ ئورنىغا ئاساسەن بىر قۇياش يىلى 24 مەۋسۈمگە بۆلۈنگەن، يىللارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 12 مۈچەل دەۋرىي بەلگىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان، ھەربىر مۈچەل 60 يىلدا بىر قېتىم دەۋر قىلىپ تۇرىدۇ.

دېھقانچىلىق

  • دېھقانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەرگە زىرائەت تېرىش ئىشى. تېرىقچىلىق:[مىسال:] دېھقانچىلىق قىلماق. دېھقانچىلىق بېجى.

دېۋەڭ

  • دېۋەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاللىسى تېز ئىشلەپ كەتمەيدىغان، ئەقلى كەم، كالۋا؛ دۆت:[مىسال:] دېۋەڭ ئادەم.∥ سىلەر ئەزالارنى «ھارماڭ» دېسە «ئەشمىدە قوندۇق» دەيدىغان دېۋەڭلەردىن چاغلىماڭلار، بىزمۇ ئاق-قارىنى تونۇيالايمىز. دېدى ئۇ.

دېۋەڭلىك

  • دېۋەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېۋەڭ خۇسۇسىيەت، ھالەت:[مىسال:] مەن بۇ سۆزنى دېۋەڭلىك قىلىپ دەپ سالدىم.

دېۋەڭلەشمەك

  • دېۋەڭلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دېۋەڭ ھالەتكە كەلمەك، دۋەڭ بولۇپ قالماق.

دېۋەيلەشمەك

  • دېۋەيلەشمەك[يەشمىسى:] «دېۋەيلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن بىز زاكۇنى ئېتىمىز دەيمىز، ئۇلار ئەتمەيسىلەر دەيدۇ. بىر-بىرىمىزگە دېۋەيلىشىپ تىكىلىشىپ قالدۇق.

دېۋەيلىمەك

  • دېۋەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قارشى تەرەپكە يېقىنلىشىپ، زورلۇق بىلەن ھەيۋە قىلماق:[مىسال:] مەخسۇت بەگ ئىمام خاتىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ دېۋەيلىدى.

دېۋون

  • دېۋون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] «دېۋون دەۋرى»گە قاراڭ.

دېۋون دەۋرى

  • دېۋون دەۋرى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى ھايات ئېراسىنىڭ تۆتىنچى دەۋرى. تەخمىنەن 50 مىليون يىل داۋام قىلغان.

دېۋىتماق

  • دېۋىتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئات-ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلارنى مىنگەندە مىنگۈچى ئىتتىك ماڭدۇرۇش ئۈچۈن پۇتى بىلەن ئۇلاغنىڭ بىقىنىغا نوقۇماق:[مىسال:] قارا بوسۇق ئېتىنى دېۋىتىپ تۆمۈر خەلپىنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇردى.

دېۋىتىشماق

  • دېۋىتىشماق[يەشمىسى:] «دېۋىتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دېۋىتىلماق

  • دېۋىتىلماق[يەشمىسى:] «دېۋىتماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دېۋىرقاي

  • دېۋىرقاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يىڭنە يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ غولىدىن سىرغىپ چىقىدىغان يېلىمسىمان ماددا.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ماددا دىستىللەنگەندىن كېيىنكى قالدۇق. ئۇ سانائەتتە سىر، سوپۇن، قەغەز ۋە سەرەڭگە قاتارلىقلارغا خام ئەشيا قىلىنىدۇ.

دېيەرلىك

  • دېيەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دېيىشكە تېگىشلىك:[مىسال:] پايات سېخىنىڭ ماتور سىناش جازىسى ياساشتا رولى يوق دېيەرلىك بولسىمۇ، ئۇلار بۇ پىكىرگە ئاۋاز قوشتى.[يەشمىسى:] ② تولۇق، دېگەندەك:[مىسال:] ئاماننىساخان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى دېيەرلىك دەرىجىدە ئۆگەنگەن ئۇستا مۇقامچى ئىدى. ∥ئۇ بۇنىڭدىن رېئاللىقنى دېيەرلىك چۈشىنىپ كېتەلمىدى.

دېيتېرىي

  • دېيتېرىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروگېننىڭ ئىزوتوپلىرىدىن بىرى، بەلگىسى (deuterium) D.

دېيىشمەك

  • دېيىشمەك[يەشمىسى:] ① «دېمەكⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىليار خوجا دائىم بىر كۆزىنى قىسىپ يۈرگىنى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى قارىغۇ خوجا دېيىشەتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا كېلىشمەك، مەسلىھەتلەشمەك:[مىسال:] ھەر ھالدا باشتا دېيىشىپ قويغان ياخشىراقمىكىن، دېدى كېرەم زاپخوز.[يەشمىسى:] ③ خاپىلاشماق، تاكاللاشماق، ئۇرۇشماق:[مىسال:] پۇل تاپتىم ياخشى بىلەن يېيىشكىلى. يامان بىلەن دېيىشكىلى (ماقال).[يەشمىسى:] ④ ئالاقىلاشماق، سۆزلەشمەك:[مىسال:] بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم بىلەن دېيىشىمەن

دېيىلمەك

  • دېيىلمەك[يەشمىسى:] «دېمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىرچاغلاردا قانچە نامرات بولسا شۇنچە شەرەپ دېيىلەتتى.

دىئاباز

  • دىئاباز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] توق يېشىل رەڭدىكى ماگما جىنس. ئاساسىي تەركىبى ئادەتتىكى پىروكسېن بىلەن پلاگىئوكلازدىن ئىبارەت. دانچە ھالەتتە بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

دىئابېت

  • دىئابېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] سوزۇلما خاراكتېرلىك بىر خىل كېسەل. كۆپىنچە ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى يېتەرسىز بولۇش، يېمەكلىكلەردىكى كاربۇن سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى نورماقل بولماسلىق نەتىجىسىدە، بەدەندە ھاسىل بولغان گلۇكوزا سەۋە بىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا، كۆپ ئۇسساش، ئىشتىھا بەك ئېچىلىپ كېتىش، سۈيدۈك كۆپىيىپ كېتىش، بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

دىئاتومىت

  • دىئاتومىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] سىلتسىيلىق يۈسۈن بىلەن ھايۋانلار قاسىراقلىرىدىن تۈزۈلگەن تاغ جىنسى.

دىئافراگما

  • دىئافراگما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] كېرىگەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] فوتو ئاپپارات ۋە باشقا ئوپتىكا ئەسۋابلىرىدىكى نۇرنىڭ ئۆتۈشىنى كېمەيتىدىغان ياكى كۆپەيتىدىغان پەردە.

دىئاگرامما

  • دىئاگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] تۈرلۈك مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەسۋىرلەيدىغان سىزما كۆرسەتكۈچ ياكى گرافىك تەسۋىر.

دىئاگنوز

  • دىئاگنوز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىمار ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا پەيدا بولغان كېسەللىك ۋە بۇ كېسەللىكنىڭ شۇ مەزگىلدىكى تەرەققىي قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە چىقىرىلغان خۇلاسە، يەكۈن:[مىسال:] دىئاگنوز قويماق.

دىئاگنوستىكا

  • دىئاگنوستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى ۋە پرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

دىئاگونال

  • دىئاگونال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① كۆپ تەرەپلىكتىكى ئۆزئارا قوشنا بولمىغان ئىككى چوققىنى تۇتاشتۇرغۇچى تۈز سىزىق.[يەشمىسى:] ② كۆپ ياقلىقتىكى ئوخشاش بولمىغان تەكشىلىكتە ياتقان ئىككى چوققىنى تۇتاشتۇرغۇچى تۈز سىزىق.

دىئالوگ

  • دىئالوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت.[يەشمىسى:] ② ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېرسوناژ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت شەكىلدە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر.

دىئالوگسىز

  • دىئالوگسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىئالوگى يوق، دىئالوگ بېرىلمىگەن.

دىئالوگلۇق

  • دىئالوگلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىئالوگى بار، دىئالوگ بېرىلگەن.

دىئالېكت

  • دىئالېكت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىر تىلنىڭ مەلۇم دائىرىدىلا قوللىنىلىدىغان ۋە ئەدەبىي تىلدىن پەرقلىنىدىغان ئىجتىمائىي ۋارىيانتى. ئۇ يەنە بىرقانچە شېۋىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

دىئالېكتشۇناس

  • دىئالېكتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىر تىلنىڭ دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم، مۇتەخەسسىس.

دىئالېكتشۇناسلىق

  • دىئالېكتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىلشۇناسلىقنىڭ دىئالېكت ۋە شېۋىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان تارمىقى.

دىئالېكتىك

  • دىئالېكتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] «دېئالېكتىكىلىق»قا قاراڭ.د

بلىنىدۇ (قايسى ئاينىڭ چوڭ. قايسى ئاينىڭ كىپەلسەپە<

  • بلىنىدۇ (قايسى ئاينىڭ چوڭ. قايسى ئاينىڭ كىپەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەر زىددىيىتىنىڭ ھەرىكىتى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى پەلسەپىۋى تەلىمات. ئۇ مېتافىزىكىغا تۈپتىن قارىمۇقارشى بولغان دۇنياقاراش ۋە مېتودولوگىيە بولۇپ، شەيئىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنى شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر كۈرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ.

دىئالېكتىكىلىق

  • دىئالېكتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىئالېكتىكىغا ئاساسلانغان، دىئالېكتىكىغا ئائىت:[مىسال:] دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم. دىئالېكتىكىلىق نۇقتىئىنەزەر.

دىئامېتىر

  • دىئامېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] چەمبەر ياكى شارنىڭ مەركىزىدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئىككى نۇختىسىنى تۇتاشتۇرغۇچى تۈز سىزىق.

دىبەن

  • دىبەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «نېگاتىپ»قا قاراڭ.

دىبەيچۇڭ

  • دىبەيچۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئۈنۈمى يۇقىرىۋە زەھىرى تۆۋەن بولغان ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا.

دىبىق

  • دىبىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دىبىق ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان ئۆسۈملۈك. غول ۋە يوپۇرماقلىرى تېبابەتچىلىكتە قۇۋۋەت دورىسى قىلىنىدۇ.

دىپەي

  • دىپەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] بەشلەڭ قەغەزدىكى ئىككى خانىلىق قەغەز.

دىپەيدەك

  • دىپەيدەك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تۈز، تىك، ئېگىلمەي، مىدىرلىماي:[مىسال:] نېمە دىپەيدەك تۇرىسەن ھوي لەقۋا، مېھمانلارغا چاي قويمامسەن-دەپ ۋارقىرىدى ئابلىز ھېلىقى يىگىتكە قاراپ.

دىپلوم

  • دىپلوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائار<[يەشمىسى:] «شاھادەتنامە»گە قاراڭ.

دىپلومات

  • دىپلومات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① باشقا مەملىكەتلەر بىلەن رەسمىي ئالاقە ئورنىتىش ياكى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مەقسەتلىرىدە ئۆز ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن دائىمىي ۋەكىل.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ-سۆز ۋە مۇئامىلىدە ماھىر كىشى:[مىسال:] ياسىن قالتىس دىپلومات بولۇپ كەتتىغۇ

دىپلوماتىك

  • دىپلوماتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] دىپلوماتىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ دىپلوماتىيىگە، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] دىپلوماتىك خادىم. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت.

دىپلوماتىيە

  • دىپلوماتىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت جەھەتتىكى پائالىيىتى.

دىپلوملۇق

  • دىپلوملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىپلومى بار، دىپلوم ئالغان، دىپلومغا ئېرىشكەن:[مىسال:] دىپلوملۇق ئوقۇغۇچى.

دىت

  • دىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① گۈزەللىكنى، نەپىسلىكنى ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئېستېتىكىلىق زوق ئېلىش قابىلىيىتى:[مىسال:] ئۇ تۇرمۇشنى يازغۇچىلىق دىت بىلەن كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② نىيەت، كۆڭۈل، راي:[مىسال:] قارىيەنىڭ بۇ گەپلىرى ئاغرىق كالىغا پىچاق سۈرگەندەك غۇلامنىڭ دىتىغا راسا ياقتى.[يەشمىسى:] ③ ئەقىل، ھوش، پەم، ئىدراك:[مىسال:] دىتى بار ئادەم. دىتى يوق. دىتى يەتمەك. دىتى يەتمەك. * ھەممىمىز نامان تاغىنىڭ بۇ ياشىنىپ قالغان بوۋاينىڭ دىتىغا قايىل بولۇپ، كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

دىتسىز

  • دىتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىتى، ئەقلى-ھوشى يوق؛ پەم-پاراسىتى بولمىغان؛ دىتلىق ئەمەس:[مىسال:] ئۇ دېدى «دادىسى توختاپ تۇرسىلا، چاغلاملا مېنى يە دىتسىز خوتۇن دەپ. قانداقچە سۆز بېرەي، ئەرسىز-كېڭەشسىز، ئەلۋەتتە ياندۇردۇم قىلىپ لايىق-گەپ».

دىتسىزلىق

  • دىتسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىتى يوقلۇق، پاراسەتسىزلىك:[مىسال:] باخشى يەنىلا كۈلۈۋاتاتتى. بۇ كۈلكە ئىپلاسلىق، رەزىللىك ۋە شەرمەندىچە ئالدامچىلىقنىڭ، دىتسىزلىق ۋە چۈشكۈنلۈك ئۈستىدىن ھاياسىزلارچە ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈشى ئىدى.

دىتلاتماق

  • دىتلاتماق[يەشمىسى:] «دىتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دىتلاشماق

  • دىتلاشماق[يەشمىسى:] «دىتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دىتلانماق

  • دىتلانماق[يەشمىسى:] «دىتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

دىتلىق

  • دىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەمى، تەدبىرى بار، دىتى بولغان، دىتسىز ئەمەس:[مىسال:] دىتلىق يىگىت. دىتلىق ئايال.

دىتلىماق

  • دىتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆڭۈلدە ئويلىماق، كۆڭۈلدە كەچۈرمەك:[مىسال:] ھەربىر ئائىلە كىشىلىرى تونۇر بېشىدا، ئوچاق ئالدىدا، داستىخان ئۈستىدە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدا-مەنپەئىتى، زىيان-تەسىرلىرى ھەققىدە ئەقىللىرى يەتكەن يېرىگىچە دىتلاپ كۆرۈشتى.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈلگە پۈكمەك، ئويلىماق:[مىسال:] ئۇ ئۈچ ئايدىن بېرى كۆڭلىدە ھېلىقى قىزنى دىتلاپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ③ تەخمىن قىلماق، مۆلچەرلىمەك:[مىسال:] تۆمۈر ئاتا ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ھەممىنى كۆزىتىپ دىتلاپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىدى.

دىجورنى

  • دىجورنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] «نۆۋەتچى»گە قاراڭ:[مىسال:] ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ:[مىسال:] «بۈگۈن دىجورنى كىم» دەپ سورىدى. ∥دوختۇرخانىدا دىجۈرنى دوختۇرمۇ كۆرۈنمەيتتى.

دىجورنىلىق

  • دىجورنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «نۆۋەتچىلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ بۇ خەتنى ئەتىگەن دىجورنىلىق قىلىۋېتىپ ئىشخانىدىن تېپىۋالغانىدى.

دىچۆلياڭ

  • دىچۆلياڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] تېرىلېندا توقۇلغان بىرخىل رەخت. ئۇنىڭ پاختاۋە يۇڭ يىپ ئارىلاشتۇرۇپ توقۇلغانلىرىمۇ، ساپ تۇقۇلغانلىرىمۇ بولىدۇ.

دىدار

  • دىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ يۈزى، رۇخسارى، تۇرقى؛ يۈز، رۇخسار، جامال:[مىسال:] ئانامنى قەبرىگە ئېلىپ كېتەر مەزگىلدە مېنى ئاپىرىپ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرسەتتى، ئۇ ئۇخلىغاندەكلا ياتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىز، سايە (قارا)، بەلگە:[مىسال:] ئوچاق ئەتراپىغا قارىسام ئوتۇن دىدارى يوق. *كەسلەنچۈكلەر، لەڭمەنتاقتاقلار، بۇ سەھرانىڭ ھايات دىدارى. شىۋاق، قوراي، يۇلغۇن، يانتاقلار، جانىۋارلارنىڭ ئامراق دىدارى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۈز كۆرۈشۈش، ئۇچرىشىش:[مىسال:] دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت (ماقال).

دىدارلاشماق

  • دىدارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دىدار كۆرۈشمەك، ئۇچراشماق، يۈز كۆرۈشمەك:[مىسال:] مەن يۇرتۇمغا ئاتپوسكىغا كېلىپ ئون نەچچە كۈن بولغاندا، ئۇنىڭ بىلەن دىدارلاشقىلى ئۆيىگە باردىم.

دىداكتىكا

  • دىداكتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] پېداگوگىكىنىڭ بىر قىسمى. ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ مەزمۇنى، مېتودى ۋە تەشكىلىي شەكىللىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ.

دىداكتىكىلىق

  • دىداكتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دىداكتىكىغا ئاساسلانغان، دىداكتىكىغا ئائىت:[مىسال:] دىداكتىكىلىق ئەسەر.[يەشمىسى:] ② پەندى-نەسىھەت خاراكتېرلىك:[مىسال:] يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەسىرى دىداكتىكىلىق ئەسەردۇر.

دىداڭ

  • دىداڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېتىك، تىمەن، چەبدەس، كۈچلۈك.

دىرⅠ

  • دىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر سودا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ، پۇل؛ دەسمايە:[مىسال:] دىر سالماق.

دىرⅡ

  • دىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز ياكى تىترىگەندە ئادەمنىڭ سەزگۈسىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل ھالەت:[مىسال:] ئارقىمۇ ئارقا ئۆتۈۋاتقان پويىزلارنىڭ زەربىسىدىن، يەرلەر دىر قىلىپ تىترەپ، يول بويىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا ئىدى.

دىرايماق

  • دىرايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تارتىشماق (بەدەن ھەققىدە).

دىر-دىر

  • دىر-دىر[يەشمىسى:] «دىرⅡ»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] دىر-دىر قىلىپ تىترىمەك. * زەرب بىلەن ئۇرۇلۇۋاتقان خاڭ يەرنى دىر-دىر قىلىپ تىترىتەتتى.

دىرت

  • دىرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ھارىۋىغا قوشقان ئاتنى ھەيدەش، ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان بۇيرۇق سۆز:[مىسال:] ئابدۇراخمان ئاتنىڭ بېشىنى يولغا بۇراپ «دىرت-چۇھ» دېگىنىچە مېڭىپ كەتتى.

دىررىدە

  • دىررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «دىر» قىلغان ھالدا، «دىر» قىلىپ:[مىسال:] بۇ سۆز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدى دىررىدە بىر تىترەپ، كۆزلىرى ئاچچىق ياش بىلەن پەردىلەندى.

دىرھەم

  • دىرھەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ماراكەشنىڭ پۇل بىرلىكى.

دىرېكتور

  • دىرېكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] مەلۇم كارخانا ياكى شىركەتنىڭ مەسئۇلى.

دىرېكتورلۇق

  • دىرېكتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىرېكتورغا يۈكلەنگەن ھەم دىرېكتور بېجىرىدىغان ۋەزىپە، ئىش.

دىرىژابىل

  • دىرىژابىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بىرخىل ئۇچۇش ئۈسكۈنىسى. قانىتى بولمايدۇ، پەقەت ھېدروگېن گازى ياكى گېلىي گازى قاچىلانغان ھاۋا خالتىسى ھاسىل قىلغان لەيلىتىش كۈچى ئارقىلىقلا يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، پىرقىرىغۇچىغا تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

دىرىژور

  • دىرىژور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] كوللېكتىپ ئورۇندىلىدىغان بىرەر مۇزىكا ئەسىرى ياكى خورغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى كىشى.

دىرىژورلۇق

  • دىرىژورلۇق[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىرىژورلۇق قىلىش ئىشى:[مىسال:] دىرىژورلۇق سۇپىسى. دىرىژورلۇق تايىقى.

دىرىڭ

  • دىرىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مېتاللارنىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] دىرىڭ قىلماق.

دىرىڭدىرىڭ

  • دىرىڭدىرىڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چەبدەست، يەڭگىل.

دىرىڭڭىدە

  • دىرىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «دىرىڭ» قىلغان ھالدا، «دىرىڭ» قىلىپ:[مىسال:] ئۇنىڭ قوللىرىدا ئېگىلىۋاتقان تۆمۈر تاياقچە تۇيۇقسىز قولدىن چىقىپ كەتتى-دە، دىرىڭڭىدە ئۆگزىگە ئۇچۇپ كەتتى.

دىرىڭلاتماق

  • دىرىڭلاتماق[يەشمىسى:] «دىرىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دىرىڭلاشماق

  • دىرىڭلاشماق[يەشمىسى:] «دىرىڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دىرىڭلىماق

  • دىرىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دىرىڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دىرىڭ-دىرىڭ» قىلماق.

دىرىلداتماق

  • دىرىلداتماق[يەشمىسى:] «دىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دىرىلداشماق

  • دىرىلداشماق[يەشمىسى:] «دىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دىرىلدىماق

  • دىرىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دىر-دىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دىر-دىر» قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ دىرىلداپ تىترەۋاتقان قوللىرى ھېچ ئەلەمگە كەلمەيتتى. * توپنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىپ ماشىنا دىرىلداپ تۇراتتى.

دىرىنارىيە

  • دىرىنارىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<

دىرىنارىيە ئوتى

  • دىرىنارىيە ئوتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىلپايە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى توم، يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ. يىلتىزسىمان غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، تەمى ئاچچىق، قاننى جانلاندۇرۇش، مۇسكۇلنى كۈچەيتىش قاتارلىق رولى بار.

دىزېل

  • دىزېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنا<[يەشمىسى:] ① دىزېلنى يېقىلغۇ قىلىدىغان، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل دۋىگاتېلغا يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ماي، دىزېل مېيى، دىزېلىن.

دىزېلماتور

  • دىزېلماتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] دىزىلنى يېقىلغۇ قىلىش ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ماتور.

دىزېلىن

  • دىزېلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] نېفىتنى دىستىللەش ئارقىلىق ئېلىنىدىغان ۋە يېقىلغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان يېنىك ماي. ئۇچۇشچانلىقى سىلىقلاشتۇرۇش مېيىدىن يۇقىرى، كىرسىندىن تۆۋەن بولىدۇ.

دىزېنتېرىيە

  • دىزېنتېرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىدىغان، يىرىڭ ئارىلاشمىغان بىر خىل تولغاق.

دىسپروزىي

  • دىسپروزىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى.(dysprosium) Dy سىرەك يەر ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

دىستە

  • دىستە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاياغنىڭ پاشنىسى.

دىستىللىمەك

  • دىستىللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىدە ئۇچۇشچانلىقى ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك ماددىلار بولغان سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇش ئارقىلىق شۇخىل ماددىلارنى ئاجرىتىپ ئالماق. بۇخىل ئۇسۇل سانائەتتە كەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، بېنزىن، كىرسىن قاتارلىقلارنى دىستىللەشكە ئوخشاش.

دىستىللياتسىيە

  • دىستىللياتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنى قىزدۇرۇپ پارغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن يەنە ئۇنى سوۋۇتۇپ سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تەركىبىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىش.

دىسسېرتاتسىيە

  • دىسسېرتاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىلمىي ئۇنۋاننى ئېلىش ئۈچۈن يېزىلىپ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى، باھالىشى ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىلمىي ماقالە:[مىسال:] دوكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيىسى. ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيىسى.

دىسسىمىلياتسىيە

  • دىسسىمىلياتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ مېتابولىزم داۋامىدا ئۆز تەركىبىدىكى ماددىلارنى پارچىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېنېرگىيە ئاجرىتىپ چىقىرىش جەريانى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بەزى تاۋۇشلارنىڭ نۇتۇق ئېقىمىدا ئۆزگىرىپ ئۆزىنىڭ كەينىدىكى تاۋۇشلارغا ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىشى.

دىسكا

  • دىسكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكىتىدە قول بىلەن ئۇزاققا ئېتىلىدىغان ئەسۋابلارنىڭ بىرى.[يەشمىسى:] ② ماشىنا، مېخانىزم، ئېتىش قوراللىرى ۋە شۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياپىلاق، تەخسە شەكلىدىكى قىسمى، دېتالى:[مىسال:] سېيالكىنىڭ دىسكىسى. تېلېفوننىڭ دىسكىسى. پىلىموتنىڭ دىسكىسى.

دىسكىلىق

  • دىسكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىسكىسى بار، دىسكا ئورنىتىلغان، دىسكا بېكىتىلگەن:[مىسال:] دىسكىلىق پىلىموت. بەش دىسكىلىق سېيالكا.

دىسلىماق

  • دىسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەيدە ياكى كۆكرەك قىسمىنى تىز بىلەن باسماق، تىزلىماق:[مىسال:] سىيىت غۇنچەمنى غازاڭ ئۈستىگە تاشلاپ، مەيدىسىگە بىر-ئىككىنى دىسلىۋېتىدۇ.[يەشمىسى:] ② بېسىپ چىڭدىماق، چىڭداپ پىشۇرۇپ، مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرمەك.

دىشۋار

  • دىشۋار[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەس، قىيىن، مۈشكۈل:[مىسال:] دىشۋار ئىش. * ئەجەب دىشۋار ئىكەن ياردىن جۇدالىق، ماڭا كۈن يوق ئىكەن ئارامخۇدالىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورقۇنچ:[مىسال:] كۆڭۈلدە دىشۋارىم يوق، ساڭا ئاتار پەشۋارىم يوق.

دىشۋارچىلىق

  • دىشۋارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۈشكۈل ياكى قىيىن ئەھۋال، شۇنداق ھالەت؛ مۈشكۈللۈك، قىيىنچىلىق:[مىسال:] ئانام ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيقۇسىزلىق ۋە دىشۋارچىلىق ئىچىدە جۈدەپ بىر تېرە بىر سۆڭەك بولۇپ قالغانىدى.

دىشۋارلىق

  • دىشۋارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «دىشۋارچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] دالدا بولدى بورانغا گۈلمەرەم، شىۋىرغانغا شىپالىق گۈلمەرەم، مۇز داۋانغا بىرقاراپ گۈلمەرەم، باشقا چۈشتى دىشۋارلىق گۈلمەرەم.

دىغ

  • دىغ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] راسا سەمرىگەن، سەمرىپ تۇلۇم بولۇپ كەتكەن.

دىغمارلىماق

  • دىغمارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۆشكەلىمەك.

دىغىرىماق

  • دىغىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يايرىماق، يايراپ كەتمەك (ھايۋانلار ھەققىدە).

دىففېرېنسىئال

  • دىففېرېنسىئال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] فۇنكسىيە y=f(x) نىڭ x نۇقتىدىكى ھاسىلىنى y دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا ئەركىن ئۆزگەرگۈچى مىقدار x بىلەن بۇ ھاسىلىنىڭ كۆپەيتمىسى، yx شۇ فۇنكسىيىنىڭ x نۇقتىدىكى دىففېرېنسىئالى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ dy=y x بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرال

  • دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرال[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] دىففېرېنسىئال بىلەن ئىنتېگرالنىڭ ئومۇمىي نامى. دىففېرېنسىئال جىسىم ھەرىكىتىنىڭ قىسمەن خۇسۇسىيىتىنى تەسۋىرلەيدۇ، ئىنتېگرال جىسىم ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن خۇسۇسىيىتىنى تەسۋىرلەيدۇ.

دىففېرېنسىيىلىمەك

  • دىففېرېنسىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرمەك؛ بۆلەكلەرگە، تەركىبلەرگە ئاجراتماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] دىففېرېنسىئالنى تاپماق، دىففېرېنسىئالىنى ھېسابلاپ چىقارماق.

دىففېرېنسىيىلىنىش

  • دىففېرېنسىيىلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار يەككە تېنىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، تۈزۈلۈش ۋە فۇنكسىيە جەھەتتە ئاددىيلىقتىن ئالاھىدە ھالەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ھادىسىسى.

دىففىراكسىيە

  • دىففىراكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋاز دولقۇنى، يورۇقلۇق دولقۇنى قاتارلىق دولقۇنلار تارقالغاندا، ئەگەر چوڭ-كىچىكلىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولغان جىسىمنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىسا، بۇ جىسىمنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەيدۇ. ئەگەر چوڭ-كىچىكلىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولغان تۆشۈكتىن ئۆتسە، تۆشۈكنى مەركەز قىلىپ، ھالقىسىمان دولقۇن شەكىللەندۈرۈپ ئالغا قاراپ تارقىلىدۇ. بۇ خىل ھادىسە دىففىراكسىيە دەپ ئاتىلىدۇ.

دىققەت

  • دىققەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پىكىر، ئەس-ياد، ئوي-خىيال؛ ئېتىبار، زېھىن:[مىسال:] ئۇ يەردە دوختۇر-سېستىرالار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىڭىز بولۇپ، ھەممىسىنىڭلا دىققىتى سىزدە ئىدى.[يەشمىسى:] ② «بىلەن» ياكى ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى «تە» بىلەن كېلىپ، «ئەستايىدىللىق بىلەن»، «ئېتىبار بىلەن»، «پۈتۈن زېھنىنى يىغقان، مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پاتىگۈل تېخىمۇ دىققەت بىلەن سەپسالدى.[يەشمىسى:] ③ باشقىلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۈندەش يۈزىسىدىن قوللىنىپ «زېھنىڭ(لار)نى يىغىپ، تىنچ تۇر(ۇڭلار)» دېگەنگە ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] دىققەت، ھازىر دەرس باشلايمىز، دېدى مۇئەللىم دەرس مۇنبىرىگە چىقىپ.[يەشمىسى:] ④ «قەددىڭنى رۇسلاپ، ئېسىڭنى يىغىپ ھوشيار تۇر» دېگەن مەنىدىكى كوماندا بۇيرۇقى:[مىسال:] دىققەت بەنجاڭ سەپكە تىزىلغان ئەسكەرلەرگە كوماندا بېرىپ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئوقۇپ ئۆتۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] پسىخىكىلىق ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر ئوبيېكتىغا قارىتىلىشى ۋە مەركەزلەشتۈرۈلۈشى.

دىققەتچلىك

  • دىققەتچلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىك، سىقىلىش، تىت-تىتلىق:[مىسال:] ئايتىللا ھەممىنى ئېيتىۋەتكەنلا بولسا دىققەتچىلىك ئوتتۇرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولاتتى.

دىققەت-نەزەر

  • دىققەت-نەزەر[يەشمىسى:] ئوي-پىكىر، پۈتۈن دىققەت، ئوي-خىيال:[مىسال:] بۇ قىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان ئىشقا ئەتراپتىكىلەرنىڭ خېلىدىن بېرى دىققەت-نەزىرى قوزغالغانىدى.

دىققەتسىزلىك

  • دىققەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دىققەت قىلماسلىق:[مىسال:] بىزنىڭ كىچىككىنە دىققەتسىزلىكىمىز سىلەرگە نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئىشقا بىپەرۋا قاراش، بىپەرۋالىق:[مىسال:] ئۇ قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقىدا، دىققەتسىزلىكتىن دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن پېشقەدەم ئىشچىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

دىققەت-ئېتىبار

  • دىققەت-ئېتىبار[يەشمىسى:] دىققەت ۋە ئېتىبار:[مىسال:] بۇ ماقالە ھەر مىللەت تارىخشۇناسلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

دىقماق

  • دىقماق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەم پاكارراق ھەم سېمىز؛ قىسقا ئەمما توم، دوغىلاق:[مىسال:] دىقماق ئادەم. * ئۇنىڭ دىقماق ئارغىمىقى ئەمدى بۆرە مېڭىشىدىن تېز يورغىسىغا چۈشتى.[يەشمىسى:] ② ئېگىز ئەمەس، پاكار ئەمما توم، گەۋدىلىك (ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدە):[مىسال:] باشقا ئالما دەرەخلىرىگە قارىغاندا پاكار، دىقماق كەلگەن بۇ ئالما بىر قاراشتىلا ئۆزىنىڭ مۇستەھكەملىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

دىك

  • دىك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئاياغنىڭ يەرگە تېز ھەم سىلىق تېگىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

دىكا

  • دىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] خىمىيىلىك سۈنئىي تالادا توقۇلغان بىرخىل سىرتلىق رەخت:[مىسال:] دىكا چاپان. دىكا شىم.

دىكتاتور

  • دىكتاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ھۇقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھۆكۈمران، ھاكىملىق.

دىكتاتورا

  • دىكتاتورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كۈچكە، زورلۇققا تايانغان ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھاكىمىيەت.

دىكتاتورىلىق

  • دىكتاتورىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىكتاتورا يۈرگۈزىدىغان، شۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە:[مىسال:] دىكتاتورىلىق خاراكتېر.

دىكتور

  • دىكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] رادىئو ياكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا بېرىلىدىغان پروگراممىلارنى مىكرافون ۋە سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى ئالدىدا ئوقۇيدىغان خادىم.

دىكتورلۇق

  • دىكتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا كۈندىلىك پروگراممىلارنى ئاڭلىتىش ئىشى، خىزمىتى:[مىسال:] ئۇ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئون يىلغا يېقىن دىكتورلۇق قىلغانىدى.

دىك-دىك

  • دىك-دىك[يەشمىسى:] «دىك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ دىك-دىك سەكرەپ يۈگۈرگىنىچە ئۇۋىسىغا كىرىۋاپتۇ.

دىككا-دىككاڭ

  • دىككا-دىككاڭ[يەشمىسى:] ئاقسىغاندەك قىسقا-قىسقا سەكرەش ھالىتى:[مىسال:] بەكمۇ تۇيغۇن سەزگۈرسەن، ئۆزۈڭ قورقۇنچاق، دىككا-دىككاڭ تاقلايسەن، يۈگۈرۈشۈڭ چاقماق.

دىككىدە

  • دىككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېز، ئىتتىك، تېزلىك بىلەن:[مىسال:] مەن بۈگۈن ئاخشام دىككىدە سىزگە بىر يولۇقاي دېۋىدىم، ھېكمەت دۈينىڭ ئىشىغا قول تىقتى دېمىسۇن دەپ قالدىم.

دىكىلەشمەك

  • دىكىلەشمەك[يەشمىسى:] «دىكىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دىكىلدەتمەك

  • دىكىلدەتمەك[يەشمىسى:] «دىكىلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دىكىلدەشمەك

  • دىكىلدەشمەك[يەشمىسى:] «دىكىلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] «نېمە كۆردۈڭ» دەڭلا، خۇددى ساراڭ تۈگىنىڭ ئۆزى پەللەكنى پەللەككە، مەيدىنى تۆشكە سوقۇشتۇرۇپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك دىكىلدىشىۋېتىپتۇ.

دىكىلدىمەك

  • دىكىلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دىك-دىك» قىلىپ ماڭماق، «دىك-دىك» قەدەم ئالماق:[مىسال:] ئۇ دىكىلدەپ بېرىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى، ئۆيدە ئاچىسى كۆرۈنمىدى.

دىكىلىمەك

  • دىكىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوغۇل بالىلار جىنسىي ئەزاسىنى باشقىلارنىڭ بىر يېرىگە تەگكۈزمەك.

دىگەر

  • دىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۈن ئولتۇرۇشتىن بىر ياكى ئىككى سائەتچە بۇرۇنقى ۋاقىت، ئەسىر:[مىسال:] پېشىندىن كېيىن بولىدۇ دىگەر، يار ئىشقىدا كۆيىدۇ جىگەر، كۆرۈشتۈرگىن پەرۋەردىگار، يارىمنى كۆرسەم كاشكى.[يەشمىسى:] ② دىگەر ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ناماز.

دىگەلىمەك

  • دىگەلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھېسابلاپ، خۇلاسىلاپ چىقماق.

دىڭ

  • دىڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تېز سەكرەش ھالىتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تىك، تۈز، راۋۇرۇس:[مىسال:] ھەمراجان شۇئان نىقابىنى يۈزىدىن ئېلىۋىدى، ئۇلار ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپ، دىڭ قېتىپ قالدى.

دىڭخۇلۇ

  • دىڭخۇلۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ساپالدىن ياسالغان ياكى چويۇندىن قۇيۇلغان قاپاق شەكلىدىكى قارا چىراغ.

دىڭ-دىڭ

  • دىڭ-دىڭ[يەشمىسى:] «دىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] كېيىكچاق ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە دىڭ-دىڭ سەكرەپ ئويناۋاتقانىكەن.

دىڭزىيا

  • دىڭزىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا. كېسەل كالىنىڭ ئۆت خالتىسىدا تاش بولۇپ شەكىللىنىدۇ. رەڭگى سېرىق بولۇپ، دانىچە ياكى كاللەك ھالىتىدە كېلىدۇ. ئۇ ناھايىتى قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى بولۇپ، يۈرەكنى كۈچەيتىش، قىزىتمىنى كېسىش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

دىڭگايتماق

  • دىڭگايتماق[يەشمىسى:] «دىڭگايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] توشقان ئاپتوموبىل چىرىغىنىڭ يولىدىن چەتلىشەلمەي، قىڭغىر-قىيسىق تار يولدا ئۇزۇن قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ دىڭ-دىڭ سەكرەپ يۈگۈرەيتتى.

دىڭگايماق

  • دىڭگايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دىڭ، تىك ھالەتكە كەلمەك، تىكلەشمەك؛ تىك بولماق:[مىسال:] ئۇ كۈلگەندە ئىككى جاۋىغىدىكى شالاڭ، ئىنچىكە بۇرۇتلىرى ئاسلان قۇيرۇقىدەك دىڭگىيىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يۇقىرىغا تىك سوزۇلماق:[مىسال:] قاسىم تامدىن دىڭگىيىپ باغقا قارىدى.

دىڭگەك

  • دىڭگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇتلىرىنى يىغىپ ياكى كېڭەيتىپ يەرگە تىرەش ئارقىلىق ئېگىزلەتكىلى ۋە پەسلەتكىلى بولىدىغان ئۈچ پۇتلۇق جازا:[مىسال:] قاراپ تۇرسام بىر ياقتىنلا ئىشلەپ كەتتى ئۇ، دىڭگەكلەرنى شۇنچە چاققان تىكلەپ كەتتى ئۇ.

دىڭگۇس

  • دىڭگۇس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «دىڭگۇك»قا قاراڭ.

دىڭگۇسلاتماق

  • دىڭگۇسلاتماق[يەشمىسى:] «دىڭگۇسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاقساق ئېتىنى دىڭگۇسلىتىپ، ئېغىر ياتقۇ مەھەلدە ئارانلا قونالغۇغا يېتىۋالدى.

دىڭگۇسلاشماق

  • دىڭگۇسلاشماق[يەشمىسى:] «دىڭگۇسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسى چىقسۇنچۇ ھەممىڭ ئاخىرى دىڭگۇسلىشىپ قايتىشىسەن دېدى ئۇ دۆشتە ئولتۇرۇۋېلىپ موخۇركىسىنى قاتتىق شورىغاچ.

دىڭگۇسلىماق

  • دىڭگۇسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دىڭگۇس-دىڭگۇس قىلىپ ئاقساپ ماڭماق؛ ئاستىن-ئۈستۈن دەسسەپ ماڭماق:[مىسال:] ساقى ئاچچىق بىلەن بۇلۇڭدىكى كەتمەن دەستىنى ئالدى-دە، دىڭگۇسلاپ ئېغىلنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى.

دىڭگۇك

  • دىڭگۇك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر پۇتى ئۇزۇن، بىر پۇتى قىسقا بولغانلىقىدىن بەك ئاقساپ ماڭىدىغان:[مىسال:] ئۇ دىڭگۇك بۇ يەرگە قاچان يېتىپ كېلەر.

دىڭگۇكلاتماق

  • دىڭگۇكلاتماق[يەشمىسى:] «دىڭگۇكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دىڭگۇكلاشماق

  • دىڭگۇكلاشماق[يەشمىسى:] «دىڭگۇكلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دىڭگۇكلۇق

  • دىڭگۇكلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىڭگۇكلاپ ماڭىدىغان ھالەت، ئاقساقلىق:[مىسال:] ھېلىقى بالا يولنىڭ چېتىدە مېڭىۋاتقان كىشىنىڭ دىڭگۇكلۇقىنى كۆرۈپ ئاستا ئېشەكتىن چۈشتى.

دىڭگۇكلىماق

  • دىڭگۇكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دىڭگۇك-دىڭگۇك قىلىپ ئاقساپ ماڭماق:[مىسال:] بىر قارا ساقال كىشى دىڭگۇكلاپ كېلىپ «ھەي خالايىق، ماڭا قاراڭلار» دەپ ۋارقىرىدى.

دىڭگىر

  • دىڭگىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] دۇتار، تەمبۇر، راۋاب قاتارلىق سازلارنىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

دىڭگىر-دىڭگىر

  • دىڭگىر-دىڭگىر[يەشمىسى:] «دىڭگىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

دىڭگىرلاتماق

  • دىڭگىرلاتماق[يەشمىسى:] «دىڭگىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

دىڭگىرلىماق

  • دىڭگىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «دىڭگىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «دىڭگىر-دىڭگىر» قىلماق.

دىڭگىل

  • دىڭگىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىك، تىك ھەم ئۇزۇن:[مىسال:] دىڭگىل قاش.

دىڭگىيىشماق

  • دىڭگىيىشماق[يەشمىسى:] «دىڭگايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دىڭڭىدە

  • دىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «دىڭ» قىلىپ، «دىڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] زېرەك توشقان دىڭڭىدە سەكرەپ چۆپلۈككە چۈشتى-دە، كۆزدىن غايىب بولدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېز، تېزلىك بىلەن، چاپسان، دەرھال:[مىسال:] كەتتى ئايال ئورنىدىن دىڭڭىدە تۇرۇپ ھويلىغا قاراپ چاپتى.

دىڭمۇ

  • دىڭمۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭ سىرتقا چىققاندا ۋاڭنىڭ ئىسمى بار قەغەزنى كۆتۈرۈپ يول ئاچىدىغان ئادەم.

دىڭىلدىماق

  • دىڭىلدىماق[يەشمىسى:] «دىڭ-دىڭ» قىلىپ چاپماق؛ تېز يۈگۈرمەك:[مىسال:] ئوغلۇم دىڭىلداپ بېرىپ ياسىننى چاقىرىپ كېلە

دىل

  • دىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۆڭۈل، قەلب، يۈرەك، ئىچكى، روھىي دۇنيا:[مىسال:] دىلىمدا ئۇنىڭغا مۇھەببەت پەيدا بولدى. قىزنى نىكاھىمغا ئالدىم.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈلدىكى نىيەت، مەقسەت، پىكىر، ئوي-خىيال قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] يارىماس گەپنى تىلىڭدىن كۆرمە، دىلىڭدىن كۆر (ماقال).[يەشمىسى:] ③ كىشىنىڭ خاتىرىسى، ئەس، ياد:[مىسال:] قولۇڭدا قارچىغاڭ بولسا، «قۇ»نىڭ نېمە ئىشى؛ دىلىڭدا ئاللا بولسا، «ھۇ»نىڭ نېمە ئىشى.

دىلى سۇ ئىچمەك

  • دىلى سۇ ئىچمەك[يەشمىسى:] كۆڭلى كۆتۈرۈلمەك، روھىي ئازادىلىك ھېس قىلماق، كۆڭلى ئارام تېپىپ سۆيۈنۈش ھېس قىلماق:[مىسال:] بولغۇسى كېلىن قىزىنىڭ ئۆزىنى ئىززەت-ھۆرمەت قىلىشىدىن بوۋاينىڭ دىلى سۇ ئىچىپ خۇشاللىققا چۆمەتتى.

دىلا

  • دىلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشىك تاختىلىرىنىڭ (كۆزنەكلىرىنىڭ) تۆت تەرىپىگە رەندىلەپ چىقىرىلغان يانتۇلۇق.

دىلئارام

  • دىلئارام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دىلنىڭ ئارامى، كۆڭۈلنىڭ ياكى دىلنىڭ خۇشاللىقى:[مىسال:] ناخشا-مۇزىكا مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم، دىلئارامىم، مەن ئۇنىڭدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلالمايمەن.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈلنى خۇشال قىلغۇچى، شادلاندۇرغۇچى:[مىسال:] مەن ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك دىلئارامى بولۇپ قالغۇدەك ۋە مەڭگۈ ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك سۆزلەرنى ئېيتماقچى بولدۇم-يۇ، ئەمما مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىم.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

دىلئازار

  • دىلئازار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بەرگۈچى، كىشىنى رەنجىتكۈچى:[مىسال:] دىلئازاردىن خۇدا بىزار (ماقال).[يەشمىسى:] ② كۆڭۈل غەشلىكى، كۆڭۈل ئاغرىقى، روھىي ئازاب:[مىسال:] ھەقىقەت خارلىنىپ، يالغان بولۇپ يوللۇق، جېنىغا تۇشمۇتۇشتىن دىلئازار كەلدى.

دىلبەر

  • دىلبەر[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان، دىلنى ئۆزىگە تارتىدىغان؛ گۈزەل، نازىنىن:[مىسال:] ئۇ شۇ قەدەر دىلبەر ئىدىكى، ئاق سۈزۈك رۇخسارىغا خوپ ياراشقان كۆز، بۇرۇن پىچىملىرى، كۈلۈمسىرىگەندە، ھاسىل بولغان غۇنچىدەك زىنىخى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە تارتالايتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈزەل مەھبۇبە، مەشۇقە، سۆيگەن، ياخشى كۆرگەن كىشىسى:[مىسال:] دىلبىرىم مەندىن يىراق، دىلبىرىمدىن مەن يىراق، دىلبىرىم قېشىمغاكەلسە، ياندۇرارمەن شام چىراغ.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

دىلبەند

  • دىلبەند[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇچى؛ كۆڭلىنى، دىلىنى ئۆزىگە تارتقۇچى:[مىسال:] بەس، دېدى ئۇ، شەرتلىرىمنى تولۇق ئورۇندىدىڭ، ماڭا كۈيئوغۇل، مەلىكىگە دىلبەند بولدۇڭ. ∥مۇھىت دېگەن كەڭ جاھاننىڭ پەرزەنتىمەن، مىليون-مىليون يۇرتداشلارنىڭ دىلبەندىمەن.

دىلپارە

  • دىلپارە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەم-قايغۇ ياكى ئازاب چېكىپ كۆڭلى غەش بولغان، دىلى پارە بولغان، كۆڭلى يېرىم:[مىسال:] نېچۈك سەۋرىڭ يېتەر دىلپارە دوستۇم، قېرىنداشتىن جۇدا، دىلپارە دوستۇم∥ئەي خۇدا. دەرد بىلەن كەتكەن ئانامغا جەننەت ئاتا قىل، مەن ۋە مەندەك بىغۇبار، ئاق كۆڭۈل دىلپارىلەرگە بەخت يولىنى كەڭ ئاچ[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۆيۈملۈك كىشى:[مىسال:] خۇددى شېرىن چۈش كەبى يىللار ئۆتۈشتى ئارادىن، كۆز يۇمۇپ چال... ئايرىلىپ قالدى ئۇلار دىلپارەدىن.

دىلتار

  • دىلتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دىل+تار[[يەشمىسى:] ① دىل رشىتىسى، يۈرەك تومۇرى:[مىسال:] ۋەتەننىڭ رىشتىنى چاتقان بۇ كەڭ دۇنيا بىلەن مەشۇت، نە مەشۇت، ئۇندا دوستلارنىڭ تۇتاش دىلتارىنى كۆردۈم.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان بىر خىل ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابى. ئۇ تارلىق چالغۇ بولۇپ، ساتار بىلەن تەمبۇرنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن، ھەم كامانلىق ھەم چەكمە چالغۇلۇق خاراكتېر ئالغان. كاسىسى بىر، دەستىسى جۈپ بولىدۇ.

دىلجەم

  • دىلجەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]دىل+جەم[[يەشمىسى:] خاتىرجەم، غەم-ئەندىشىسىز، كۆڭۈللۈك، خۇشال-خۇرام:[مىسال:] دىلجەم بولماق، دىلجەم قىلماق.

دىلخاھ

  • دىلخاھ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] دىل خالىغان، كۆڭۈل سۆيگەن، ئارزۇ قىلغان؛ ئېسىل، ياراملىق:[مىسال:] دۈيجاڭمۇ قېشىدا ئۈچ-تۆت بوۋاينىڭ، تاللىشار ئۇرۇقلۇق دىلخاھ قوناقنى، «بۇ ئۆزى كارامەت» دېمەكتە كىمدۇر، دەڭسەپلا بىلەكتەك بىر تال باشاقنى.

دىلخاھلىق

  • دىلخاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەمخورلۇق، كۆيۈنۈش:[مىسال:] خەلپىتىمنىڭ جاھان ئەھلىگە دىلخاھلىق قىلىپ، پېقىردەك نادانلارغا يول كۆرسىتىشىنى تۆۋەتچىلىك بىلەن تىلەيمەن.

دىلخەستە

  • دىلخەستە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دەردمەن، دىلى پارە بولغان، ئازاب تارتىۋاتقان، كۆڭلى سۇنۇق:[مىسال:] ئۇمۇ بۇ يەردىكى دىلخەستە دېھقانلار بىلەن بىللە ئۈچ يىللىق غۇربەتچىلىكنى بېشىدىن كەچۈرگەن.

دىلخەندە

  • دىلخەندە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] دىلنى شادلاندۇرىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان، خۇشال قىلىدىغان، دىلغا ياقىدىغان:[مىسال:] سەھەر، كەچتە راۋاب، تەمبۇر، دۇتار ئاۋازى دىلخەندە، يېقىملىق ناخشا-كۈيىنىڭ چارباغىسەن. گۈزەل ھېيتىگاھ.

دىلخۇمار

  • دىلخۇمار[قۇرۇلمىسى:]]دىل+خۇمار[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭۈل تارتقان كۆڭۈل سۆيگەن كىشى ياكى نەرسە:[مىسال:] كەلسە گەر بەرگىن خەۋەر، ئۇچۇپ چىقاي مەن ئالدىغا، ۋەسلىنى كۆرسەتكىلى ئۇ دىلخۇمارىم كەلدىمۇ[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئامراق، مەھلىيا، مەپتۇن:[مىسال:] گۈلباغ بىزنىڭ يېزىمىز، بۇلبۇل ئاڭا دىلخۇمار، كەتمەس ئۇنىڭ قوينىدىن، مىسلى گۈزەل نەۋباھار.

دىلخىراج

  • دىلخىراج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆزبېك خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ نامى.

دىلدار

  • دىلدار[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈزەل يار، سۆيۈملۈك، ياخشى كۆرگەن كىشىسى، سۆيگىنى، مۇھەببىتى:[مىسال:] توغرا ئۇنىڭ ئاشىقى بار، ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە بىر دىلدارى بار، قىزلار ئۆزىنىڭ ئاشىقىنى باشقىلارغا مەغرۇر ۋە بەختىيارلىق بىلەن، زوق-شوقى بىلەن ماختاپ بېرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىملىق، كۆڭۈلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان، كۆڭۈلگە ياقىدىغان:[مىسال:] ھۆر كەبى زۆھرە ماڭا دىلدار يار جانان بولۇر، ھەر كېچە يورۇتقىلى كۈلبەمگە ئۇ تابان بولۇر.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

دىلداش

  • دىلداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆڭلى، نىيەت-مەقسىتى، ئارزۇسى، غايىسى، پىكىر-قارىشى بىردەك ياكى ئوخشاش بولغان كىشى:[مىسال:] خەلقىمىز بىلەن دىلداش ئىدى ئۇ، مىسلى ئۆچمەس قۇياش ئىدى ئۇ.[يەشمىسى:] ② ھەمراھ، ياخشى كۆرىدىغان ياكى يېقىن ئۆتىدىغان كىشى، دوست:[مىسال:] ئادىل شاھ بولۇپ ئالتۇنخان، يۇرتنى ئوبدان سوراپتۇ، دىلداشلىرى بۇ قىزنى گۈل-چېچەككە ئوراپتۇ.

دىلداشلىق

  • دىلداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىيەت-مەقسىتى. دىلى بىرلىك:[مىسال:] كەل قېنى ئىچەيلى دىلداشلىق ھەققى، دىللارنىڭ ھۆكمىنى سۆزلىسۇن بۇ جام، سۆيگۈدىن پۈتۈلسۇن ئالەمچە سەتھى، دوستلۇقنىڭ ئىلكىدە ئۆتسۇن ھەر ئەييام.

دىلرەبا

  • دىلرەبا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلىدىغان، ئۆزىگە تارتىدىغان؛ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان، يېقىملىق؛ گۈزەل، ساھىبجامال، نازىنىن، چىرايلىق:[مىسال:] ناخشىنىڭ بۇ دىلرەبا ئاھاڭىنى زىكرى ئەلپەتتا ئىجاد قىلغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈزەل يار، سۆيگەن، ياخشى كۆرگەن كىشى، جانان؛ سۆيۈملۈكى:[مىسال:] دىلرەبا سەندىن زامان ئايرىلماقىم دىشۋاردۇر.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

دىلشاد

  • دىلشاد[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىلى شاد، كۆڭلى خۇشال، غەمسىز، ئەندىشىسىز:[مىسال:] شۇندىن كېيىنلا دىلشاد كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. ∥ياكى شېرىن تاپتى نەق پەرھادىنى، مىڭ بالا-زەخمەت چېكىپ، دىلشادىنى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

دىلشادلىق

  • دىلشادلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىلى شادلىق.

دىلكەش

  • دىلكەش[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆڭۈلنى تارتىدىغان، جەلپ قىلىدىغان؛ كىشىگە زوق بېرىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان:[مىسال:] ھۆر ۋەتەندە ياڭرىغان دىلكەش مۇقامنىڭ ئەۋجىدە، شوخ تارىمنىڭ ئەلگە مەشھۇر راۋابى-دىلتارى بار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ھېسداشلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغان، كىشىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل:[مىسال:] ئۇ نامرات، قىسمىتى ئېغىر بالىلارغا ئالاھىدە دىلكەش، يېقىن ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇڭدىشىدىغان، سىردىشىدىغان، دەردىگە دەرمان بولىدىغان، يېقىن، ئامراق:[مىسال:] ئۇلار ئۇزۇندىن بېرى ھەقىقىي دىلكەش دوستلاردىن ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇڭدىشىدىغان، سىردىشىدىغان دوست، ھەمراھ، يېقىن كىشى:[مىسال:] ئىنساننىڭ دىلى بىھۇدە ئازار يەپ، يۈرىكى ئازابلانغان چاغدا، كىشى بىرەر دىلكەشنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئىچ-قارنىنى تۆكۈپ كۆڭلى-كۆكسىنى بوشىتىۋېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن.

دىلكەشلىك

  • دىلكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش، دوستلۇق كۆرسىتىش، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش:[مىسال:] ئەزالارنىڭ ھەممىسى خەلىچە ئانىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددىلىقى، دىلكەشلىكى ئۈچۈن ھەممە ئۇنى ھۆرمەت قىلاتتى.

دىلكۆيەر

  • دىلكۆيەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]دىل+كۆيەر[[يەشمىسى:] دىلغا ياقىدىغان، ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان، كۆڭۈلدىكىدەك.

دىلگىر

  • دىلگىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۆڭلى قالغان، ئاچچىقلانغان؛ كۆڭلى غەش:[مىسال:] بەرگەن ئاخباراتى ئون كۈنلۈك ھاۋادىن ئىلگىرى، توغرا بولۇپ چىققان ئۈچۈن ھېچكىمنى قىلماس دىلگىرى.

دىللىق

  • دىللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دىلى بار، دىلغا ئىگە:[مىسال:] ئەپەندىم بۇ ئىشتا ئىككى دىللىق قىلسىلا بولماس[يەشمىسى:] ② سۈپەتلەر بىلەن كېلىپ، دىلىدا ياكى كۆڭلىدە سۈپەت بىلدۈرگەن روھىي ھالەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ تۈز كۆڭۈل، ساپ دىللىق كىشى ئىدى. ∥كىملەرگە كەلتۈرەر نەپ، كىمگە ئەپسۇس، «لۇق» ۋە «لىك» دېيىشىدىغان ئادەت-قىلىق. ئەمەسمۇ بارچە ئىشچان باتۇر خەلق، نامى بىر، يۇرتىمۇ بىر، توغرا دىللىق.

دىلۇڭ

  • دىلۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] خىمىيىلىك سۈنئىي تالادا توقۇلغان بىرخىل سىرتلىق رەخت:[مىسال:] دىلۇڭ چاپان. دىلۇڭ پەلتۇ.

دىلىستان

  • دىلىستان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭۈل، دىل، قەلب:[مىسال:] قاتمۇقات زەنجىر قەپەسلەر كۆيدى ئوتتا ئۆرتىنىپ كۈلدى شادلىق ئىلكىدە يايراپ دىلىستان باشقىچە، [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆڭۈلنى ئۆزىگە تارتىدىغان، كۆڭۈلنى ئاچىدىغان:[مىسال:] دىلىستان باھارىم سالقىن-ناھارىم، گىياھلار ئاينىدى سېنىڭ مېھرىڭدىن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭۈلنى ئەسىر قىلغۇچى، مەھلىيا قىلغۇچى سۆيۈملۈك يار، گۈزەل جانان، دىلبەر:[مىسال:] كۆڭۈل شىكايىتىمدىن يۈز رىسالە يازمىشمەن، كىم ئىلىتكەي بۇ رىسالەتنى دىلىستانىمگە.

دىماغ

  • دىماغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] بۇرۇن بوشلۇقى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تۇتاشقان جايى:[مىسال:] دىماغ تاۋۇشى. دىماغقا ئۇرماق.

دىمىغىدىن دۈت چىقارماق

  • دىمىغىدىن دۈت چىقارماق[يەشمىسى:] راسا ئەدىپىنى بەرمەك، توۋا قىلدۇرماق، قىلغان-ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان قىلدۇرماق:[مىسال:] ئەي ۋەزىرلىرىم، ئەي لەشكەرلىرىم، سىلەر بۇ باياۋاندا مېنى يالغۇز كۆرۈپ، ماڭا يېنىۋاتىسىلەر، ئىنشائاللا شەھەرگە بارغاندا دىمىغىڭلاردىن دۈت چىقىرىمەن دەپتۇ پادىشاھ ھەيۋە قىلىپ.

دىمىغى ئۈستۈن

  • دىمىغى ئۈستۈن[يەشمىسى:] تەكەببۇر، ھاكاۋۋۇر، چوڭچى، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان:[مىسال:] سىلەرنىڭ بۇ شۈجىيىڭلارنى مەن بۇرۇن خېلى تۈزۈك ئادەم چاغلايدىغان، لېكىن بەك دىمىغى ئۈستۈن ئادەم ئىكەن. * دىمىغى ئۈستۈن دىمىغى ئۈستۈن ئادەم ئاشۇنداق بولامدۇ ئۇ ئۆڭگەن ھالدا ۋارقىرىدى.

دىم-دام

  • دىم-دام [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چالا ئۇيقۇلۇق ھالەت.

دىمىق

  • دىمىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شامالسىز ۋە نەپەسنى قىيىنلاشتۇرىدىغان دەرىجىدە ئىسسىق، ئىسسىق ھاۋا بىلەن زىچ قاپلانغان:[مىسال:] ئۆينىڭ دىمىق ھاۋاسى ئىچىمنى پۇشۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ھاۋاسى يېتىشمەسلىك ياكى بەك بۇزۇلغانلىق سەۋەبىدىن نەپەسنى بوغىدىغان، نەپەسنى قىيىنلاشتۇرىدىغان:[مىسال:] بۇ قونالغۇ دىمىق ھەم تار ئىكەن. ∥ ئىس ۋە دىمىقتىن نەپەس بوغۇلۇپ باش ئايلىناتتى.

دىمىقتا

  • دىمىقتا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دىمىق، نەپەس ئېلىش قىيىن بولغان، ھاۋاسى بۇزۇلغان.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىدىغان، ئادەمنى ئازابلايدىغان، ئازابلىق:[مىسال:] شۇنداق دىمىقتا كۈنلەرنىڭ بىرىدە قورچاق ۋالىي پاسار سازايى قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يېتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچ-سىرىنى ياكى دەرد-ئازابلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىشنى خالىمايدىغان، سىر ساقلايدىغان:[مىسال:] دىمىقتا ئادەم.

دىمىقتۇرماق

  • دىمىقتۇرماق[يەشمىسى:] «دىمىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىنى دىمىقتۇرىدىغان ئىسسىقتىن دىلبەرنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ، پېشانىسىدە مۇنچاقتەك تەرلەر پەيدا بولغانىدى.

دىمىقتىلىق

  • دىمىقتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىمىقتا ھالەت:[مىسال:] ئالدىرىماڭ، مەن بولسام چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك بولۇۋاتىمەن.

دىمىقچىلىق

  • دىمىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «دىمىقلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇلار دەل ياز پەسلىدە كەلگەچكە بەئەينى مانتا قازىنىغا سولىنىپ قالغاندەك دىمىقچىلىق ئىچىدە قالدى.

دىمىقلىق

  • دىمىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىمىق ھالەت:[مىسال:] ھاۋانىڭ ئىسسىق ۋە دىمىقلىقى سەۋەبىدىن شاھزادە ئەنجەد بىلەن ئەسەتنىڭ تەشنالىقى بەك قىستاپتۇ.

دىمىقماق

  • دىمىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشماق، نەپىسى ئېغىرلاشماق، نەپىسى بوغۇلماق:[مىسال:] ئۆيدە دىمىقىپ، پېشانىلىرىمدىن تەر تامچىلاشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچى سىقىلماق، روھىي جەھەتتىن بوغۇلماق، دىمىقتا بولماق:[مىسال:] دىمىقىپ ئولتۇرۇش ھېچقاچان بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلغان ئەمەس.

دىن

  • دىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە. ئۇ ئىلاھىي كۈچكە ئىشىنىشكە ئاساسلانغان دۇنياقاراش ۋە تەسەۋۋۇرلار:[مىسال:] ئىسلام دىنى. بۇددا دىنى.

دىنا

  • دىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كۈچ بىرلىكى. ماسسىسى بىر گرام بولغان ماددىنىڭ CM/S2 لىق تېزلىنىش ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان كۈچ بىر دىنا بولىدۇ بىر دىنا [SX(]1[]189[SX)] گرام كۈچكە تەڭ.

دىنار

  • دىنار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① ئالجىرىيە، تۇنىس، ئىراق، يەمەن، كۈۋەيت، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.[يەشمىسى:] ② چاغاتاي خانلىقىنىڭ مىلادىيە 1318-يىلىدىن 1326-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن خانى كېپەكخان تەرىپىدىن قۇيدۇرۇلغان كۈمۈش پۇل.

دىنارلىق

  • دىنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دىنارى بار، دىنارغا ئىگە:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا نەچچە مىڭ دىنارلىق بايلار تىجارەت قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② دىنارغا يارايدىغان، دىنار قىممىتىدىكى:[مىسال:] ئوبۇل مەندىن بىر نەچچە دىنارلىق قەرز ئالدى.

دىنام

  • دىنام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] «گېنېراتور»غا قاراڭ.

دىنامومېتىر

  • دىنامومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كۈچنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئەسۋاب.

دىنامىت

  • دىنامىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئاساسلىق تەركىبى نىتروگىلىتسېرىندىن ئىبارەت بولغان كۈچلۈك پارتلىغۇچى ماددا. ھەربىي ۋە كانچىلىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.

دىنامىكا

  • دىنامىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مېخانىكىنىڭ بىر تارمىقى. نيوتوننىڭ ھەرىكەت قانۇنىنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلىپ، جىسىمنىڭ مېخانىكىلىق ھەرىكەت ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.

دىنامىكىلىق

  • دىنامىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىنامىكىغا ئائىت، دىنامىكىغا ئاساسلانغان:[مىسال:] دىنامىكىلىق مېتامورفېزم. دىنامىكىلىق گېئولوگىيە. دىنامىكىلىق مېتېئورولوگىيە.

دىندار

  • دىندار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] دىنغا ئەمەل قىلىدىغان؛ خۇداغا، دىنغا ئىشىنىدىغان:[مىسال:] دىندار كىشى.

دىنداش

  • دىنداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر دىندىكى كىشىلەر:[مىسال:] ماڭا سىز، ھەيدەرخان ئىككىڭلار ئوخشاش، مەن بىلەن بىر ئىسلام، بىر مىللەت، دىنداش... دىنداشلار ئۆزئارا قالسا ئۇرۇشۇپ، ئۆرتىنەر يۈرىكىم مېنىڭ، قېرىنداش.

دىنسىز

  • دىنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان، خۇداغا ئىشەنمەيدىغان؛ ئاتېئىست، دەھرىي:[مىسال:] دىنسىز كىشى. ∥ھېلىقى دىنسىز بىلەن پاراڭلاشتىم.

دىنسىزلىق

  • دىنسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىنغا ئىشەنمەسلىك:[مىسال:] مۇھەممەتنى يولدىن چىقارغانلار سەنلەر دېدى ئۇ قولىنى شىلتىپ، ئۆزۈڭلارغۇ دىنسىز، بالىنىمۇ دىنسىزلىققا باشلاشتىڭ.

دىنشۇناس

  • دىنشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] دىننى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس، ئالىم.

دىنشۇناسلىق

  • دىنشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىننى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم، پەن:[مىسال:] خېلى بۇرۇنلا فولكلور بىلەن دىنشۇناسلىقنىڭ يانداش پەنلىك مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن.

دىنوزاۋر

  • دىنوزاۋر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى سۆرەلگۈچى ھايۋان. ئوتتۇرا ھايات ئېراسىدا ئەڭ تەرەققىي قىلىپ، زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان، چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا 30 مېتىرغا يەتكەن. ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.

دىنىي

  • دىنىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنغا ئائىت، دىنغا ئالاقىدار، دىنغا تېگىشلىك:[مىسال:] دىنىي ئەقىدە. دىنىي پائالىيەت.

دىئوپترىيە

  • دىئوپترىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] لىنزىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش كۈچلۈكلۈك بىرلىكى. دىئوپترىيە 1 نى فوكۇس ئارىلىقىغا (مېتىر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) بۆلگەنگە تەڭ.

دىئورىت

  • دىئورىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا تىپتىكى بىر خىل چوڭقۇرلۇق جىنسى. ئاساسلىق تەركىبى پلاگىئوكلاز بىلەن ئامفىبول بولۇپ، كۈل رەڭ ياكى كۈل رەڭگە مايىل يېشىل كېلىدۇ. ئادەتتە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

دىئورىتلىق

  • دىئورىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە دىئورىت بار، دىئورىت ئارىلاشقان:[مىسال:] دىئورىتلىق پورفىرت.

دىۋار

  • دىۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆي-ئىمارەتنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدىغان، خانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام، توسۇق:[مىسال:] ئۆي دىۋارى. ھويلا دىۋارى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان ياكى بۆلەكلەرگە ئايرىپ تۇرىدىغان قسىمى:[مىسال:] ئاشقازان دىۋارى. سىلىندىر دىۋارى.

دىۋانⅠ

  • دىۋانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىرلار توپلىمى، توپلام.

دىۋانⅡ

  • دىۋانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] «ساپاⅡ»غا قاراڭ.

دىۋانⅢ

  • دىۋانⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① خان ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتنىڭ باش مەھكىمىسى؛ ئوردا:[مىسال:] خەلىپە رەشىت دىۋانغا كىرىپ تەخىتكە ئولتۇرغانىكەن، ئالاۋىدىن ئەبۇ ئەششەمات دىۋانغا كىرىپ خەلىپىنى كۆرۈش بىلەنلا شېئىر ئوقۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② خان، پادىشاھ تۇرىدىغان جاي؛ ئۆي، خانا:[مىسال:] ئۇ دىۋانغا كىرىپ، ئەڭ چەتتىكى يىراق بىر بۇلۇڭغا بېرىپ تۇرۇۋاپتۇ.

دىۋانە

  • دىۋانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىلەردىن سەدىقە سوراپ، نەرسە-كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى؛ تىلەمچى، قەلەندەر:[مىسال:] يېقىلغان تام دىۋانىنى بېسىپتۇ (ماقال).

دىۋانبېگى

  • دىۋانبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]دىۋان+بەگ+ئى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كاتىپى.

دىۋانىلەرچە

  • دىۋانىلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دىۋانىلەرگە ئوخشاش، دىۋانىلەردەك:[مىسال:] ئەي كىشى قاياقتىن كەلدىڭىز، نەگە بارىسىز. مۇنداق دىۋانىلەرچە سەپەر قىلىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە دەپ سورىدى پادىشاھ.

دىۋانىلىك

  • دىۋانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىلەمچىلىك قىلىش. سەدىقە سوراش ئىشى، قەلەندەرلىك:[مىسال:] دىۋانىلىك قىلماق.

دىۋە

  • دىۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چۆچەك، رىۋايەتلەردە تەسۋىرىلىنىدىغان ناھايىتى زور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە غەيرىي تەبىئەتلىك خىيالىي مەخلۇق:[مىسال:] ۋەزىر ساندۇقنى ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ شۇنداق ئاغزىنى ئېچىپ قارىسا ساندۇق ئىچىدە بىر قارا دىۋە يېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى قۇدرەتلىك، باشقۇرغىلى بولمايدىغان، ئادەم ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان نەرسە:[مىسال:] بىز بىر دىۋىنى مىنىۋالدۇق، يا چۈشەلمەيمىز، يا ماڭالمايمىز، مانا باش قېتىمچىلىق دېگەن

دىۋە-پەرى

  • دىۋە-پەرى[يەشمىسى:] دىۋە ۋە دىۋە تائىپىسىدىكى مەخلۇقلار:[مىسال:] ئىككى شاھزادە قارىسا پۈتۈن شەھەرنى دىۋە-پەرى قاپلاپ كەتكەن. ئۇلار قورقۇپ كۆزىنى يۇمۇۋاپتۇ.

دىۋىندۇرماق

  • دىۋىندۇرماق[يەشمىسى:] «دىۋىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ھارۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، قامچىنى ھاۋادا ئوينىتىپ، قاتتىق ئاۋاز بىلەن ئاتلارنى چۆچۈتۈپ ئالدىغا دىۋىندۇردى.

دىۋىنماق

  • دىۋىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خىرىس قىلماق، ئېتىلىشقا تەمشەلمەك، ھۈرپەيمەك:[مىسال:] بارات باشلىق ياشلار چېرىكلەرگە دىۋىندى.

دىۋىنىشماق

  • دىۋىنىشماق[يەشمىسى:] «دىۋىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

دىيار

  • دىيار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەملىكەت، ۋەتەن، يۇرت:[مىسال:] سۆيۈملۈك دىيار. ئەزىز دىيار.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

دىيانەت

  • دىيانەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ۋىجدان، ئىنساپ، ئىشەنچ، پاكلىق:[مىسال:] دىيانىتى بار ئادەم. دىيانەت ئىگىسى.[يەشمىسى:] ② دىنىي قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىش، دىندارلىق، تەقۋادارلىق:[مىسال:] ئۇلار مېنى «ئادەم توپلاپ، ئەلنەغمە قىلىپ كىشىلەردىن دىيانەتنى كۆتۈردۈڭ» دەپ، مەسچىت ئالدىغا بېسىپ 40 دەررە ئۇردى.

دىيانەتسىز

  • دىيانەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىنساپسىز، ۋىجدانسىز.[يەشمىسى:] ② دىنىي ئەخلاق، قائىدە-نىزاملارغا رىئايە قىلمايدىغان:[مىسال:] دىيانەتسىز ئادەم.

دىيانەتسىزلىك

  • دىيانەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىيانەت يوقلۇق.

دىيانەتلىك

  • دىيانەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دىيانىتى بار، ۋىجدانلىق، ئىنساپلىق:[مىسال:] پادىشاھ ۋەزىردىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك، دىيانەتلىك پەزىلىتىگە بارىكاللا ئوقۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② دىنىي ئەخلاق، قائىدە-نىزاملارغا رىئايە قىلىدىغان؛ تەقۋادار:[مىسال:] دىيانەتلىك ئادەم.

دىيەك

  • دىيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شوشاڭنىڭ تىغىنى قايچىلاشتۇرۇپ تۇتۇپ تۇرىدىغان قىسقا ياغاچ.[يەشمىسى:] ② تىرەك.

دىيۇگون

  • دىيۇگون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>مالايچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى قوڭۇر رەڭ بولۇپ، دېڭىزدا ياشايدۇ، دېڭىزدىكى ئوت-چۆپلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

دىيۇيم

  • دىيۇيم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گوللاندچە[[يەشمىسى:] 4.25 مىللىمېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.

دىيۇيملىق

  • دىيۇيملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دىيۇيمغا تەڭ، دىيۇيم بىلەن ئۆلچەنگەن، دىيۇيم چوڭلۇقىدىكى:[مىسال:] 14 دىيۇيملىق تېلېۋىزور.