ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

22 م 🔗

م

ما

مائارىپ

مائارىپپەرۋەر

مائارىپپەرۋەرلىك

مائارىپچى

مائارىپچىلىق

مائاش

مائاشسىز

مائاشلىق

مابەين (ى)

مابەينىدە

مات

مات بولماق

مات قىلماق

ماتا (ماتاسى)

ماتاتماق

ماتاشماق

ماتاقچىۋىن

ماتال

ماتالماق

ماتانەت

ماتانەتلىك

ماتەم

ماتەمدار

ماتەمسەرا

ماتەملىك

ماتراس

ماتروس

ماترىئارخال

ماترىئارخاللىق

ماتكاⅠ

ماتكاⅡ

ماتور

ماتورخانا

ماتورلاشتۇرماق

ماتورلاشتۇرۇلماق

ماتورلاشماق

ماتورلۇق

ماتېرىك

ماتېرىيال (ماتېرىيالى)

ماتېرىياللىق

ماتېرىيالىزم

ماتېرىيالىزمچە

ماتېرىيالىزمچى

ماتېرىيالىزملىق

ماتېرىيالىست

ماتېرىيالىستىك

ماتېرىيە

ماتېماتىك

ماتېماتىكا

ماتېماتىكىلىق

ماتىچى

ماتىغۇچ

ماتىماق

ماتىۋ

ماجاق

ماجاقلاتماق

ماجاقلاشماق

ماجاقلانماق

ماجاقلىماق

ماجاڭ

ماجال (ماجالى)

ماجالسىز

ماجالسىزلانماق

ماجالسىزلىق

ماجىرا (ماجىراسى)

ماجىراچى

ماجىرالاشماق

ماجىرالىق

ماچ

ماچتا

ماچچىدە

ماچ-ماچ

ماچىلداتماق

ماچىلدىماق

ماخارⅠ

ماخارⅡ

ماخاۋ

ماختاتماق

ماختاشماق

ماختالماق

ماختانچاق

ماختانچاقلىق

ماختانماق

ماختۇم

ماختىماق

ماختىنارلىق

ماخوۋىك

ماخىزم

مادا

ماداخان

ماداخىل

مادارⅠ

مادارⅡ

مادارا

ماداراچى

ماداراچىلىق

مادارسىز

مادارسىزلاندۇرماق

مادارسىزلانماق

مادارسىزلىق

مادارلانماق

مادام

مادامىكى

مادداⅠ

مادداⅡ

ماددىلاشتۇرماق

ماددىلاشماق

ماددىلىق

ماددىمۇماددا

ماددىي

ماددىي مەدەنىيەت

ماددىيلاشتۇرماق

ماددىيلاشماق

مادىخىدا

ماددىيلىق

ماراتماق

ماراشماق

مارافون

مارافونچە

مارافونچە يۈگۈرۈش

ماراقچى

ماراقچىلىق

ماراكەش

مارال

مارالقۇلاق

مارانگۈل

مارتⅠ

مارتⅡ

مارتتىدە

مارت-مۇرت

مارتىلداتماق

مارتىلداشماق

مارتىلدىماق

مارجان

مارجاندەك

مارجانگۈل

مارجانلىق

مارس

مارش

مارشال

مارك

ماركا

ماركسىزم

ماركسىزمچى

ماركسىزم-لېنىنىزم

ماركسىزملىق

ماركسىست

ماركىسىز

ماركىلىق

مارگانسوپكا

ماروژنى

ماروژنىچى

ماروژنىچىلىق

ماروژنىخانا

مارى

مارىماق

مازⅠ

ماز پاينەك

مېزى چۇۋۇلماق

مازⅡ

ماز بولماق

مازار

مازارغا چالما ئاتماق

مازار غوجام

مازارگۇي

مازارلىق

مازار-ماشايىخ

مازارىيون

مازاق

مازاقچى

مازاقلىماق

مازلاشتۇرماق

مازلاشماق

مازلىق

مازوك

مازۇت

مازۇركا

مازۇز

ماس

ماساغىت

ماسسا

ماسشتاب (ماسشتابى)

ماسشتابلىق

ماسكا

ماسكىلىق

ماسلاشتۇرماق

ماسلاشتۇرۇشماق

ماسلاشتۇرۇلماق

ماسلاشماق

ماسلىشىشچان

ماسلىشىشچانلىق

ماش

ماشا

ماشائاللا

ماشاق

ماشايىخ

ماشپىرا

ماشخوردا

ماشقاق

ماشكا

ماشلىق

ماشىنا

ماشىنا ئادەم

ماشىنكا

ماشىنىچى

ماشىنىچىلىق

ماشىنىسازلىق

ماشىنىست

ماشىنىستلىق

ماشىنىلاشتۇرماق

ماشىنىلاشتۇرۇشماق

ماشىنىلاشتۇرۇلماق

ماشىنىلاشماق

ماشىنىلىق

ماغدۇر

ماغدۇرسىز

ماغدۇرسىزلاندۇرماق

ماغدۇرسىزلاندۇرۇلماق

ماغدۇرسىزلانماق

ماغدۇرسىزلىق

ماغدۇرلاندۇرماق

ماغدۇرلانماق

ماغدۇرلۇق

ماغزاپ

ماقالⅠ(ماقالى)

ماقالە

ماقال-تەمسىل

ماقالىلىق

ماقامⅠ(ماقامى)

ماقۇل

ماقۇللاتماق

ماقۇللاشماق

ماقۇللانماق

ماقۇللۇق

ماقۇللىماق

ماك

ماكاش

ماكاشلاشماق

ماكاشلىماق

ماكاش-ماكاش

ماكاكا

ماكان (ماكانى)

ماكانداش

ماكانسىز

ماكانسىزلىق

ماكانلاشتۇرماق

ماكانلاشماق

ماكانلىق

ماكچايتماق

ماكچايتىشماق

ماكچايتىلماق

ماكچايماق

ماكرو

ماكسىمال

ماكسىمۇم

ماك-ماك

ماكىلداتماق

ماكىلداشماق

ماكىلدىماق

ماگازا

ماگما

ماگماتىزم

ماگنولىيە

ماگنېزىت

ماگنىت

ماگنىت قۇتۇپى

ماگنىت مەيدانى

ماگنىترون

ماگنىتسىزلىنىش

ماگنىتلاندۇرماق

ماگنىتلانماق

ماگنىتلىق

ماگنىتلىنىشچان

ماگنىتلىنىشچانلىق

ماگنىتوسترىكسىيە

ماگنىتومېتىر

ماگنىتىزم

ماگنىي

ماگنىيلانماق

ماگنىيلىق

ماگىزىن

ماگىزىنچى

ماگىزىنچىلىق

ماگىستىر

ماگىستىرال

ماگىستىراللىق

ماگىستىرلىق

ماڭدا

ماڭداتماق

ماڭدار

ماڭداشماق

ماڭدام

ماڭداممۇماڭدام

ماڭدۇرماق

ماڭدىماق

ماڭغال

ماڭغىلىماق

ماڭقا

ماڭقىسى چوۋۇلماق

ماڭقال

ماڭقان

ماڭلاي

ماڭلاي تەرى

ماڭلايلىق

ماڭماق

مال

مالاخىت

مالال

مالاللىق

مالامەت

مالامەتلىك

مالائىكە

مالاي

مالايلارچە

مالايلىق

مالەم

مال-بىسات

مالپەرەس

مالپەرەسلىك

مالتاق

مالتوزا

مالتىلاتماق

مالتىلاشماق

مالتىلانماق

مالتىلىماق

مالچى

مالچىلىق

مالدار

مال-دۇنيا

مالسىز

مال-مۈلۈك

مال-مېكەت

مال-ۋاران

مالىخاي

مالىخۇليا

مالىك

مالىماتاڭ

مالىماتاڭچىلىق

مالىماتاڭلاشتۇرماق

مالىماتاڭلاشماق

مالىمان

مالىمانچى

مالىمانچىلىق

مالىمانلاشتۇرماق

مالىمانلاشماق

مالىمانلىق

مالىنا

مالىيە

مالىيە-سودا

مامات (ماماتى)

ماماتلىق

مامكاپ

مامونتⅠ

مامونتⅡ

مامۇق

مامىرانچىن

مانا

مانا ئەمدى

مانا ئەمىسە دەپ

مانا مەن دەپ

مانا-ئەنە

ماناسقان

مانانⅠ

مانانⅡ

مانانلاشتۇرماق

مانانلاشماق

مانانلىق

مانتا

مانتىپەز

مانتىپەزلىك

مانتىچى

مانتىخانا

مانتىسسا

مانجاⅠ

مانجاⅡ

مانجۇ

مانجىت

مانجىتلىق

مانچاناق

مانچېستېر

ماندات

ماندار

ماندارىن

ماندالىن

مانگان

مانگانىت

مانگرو

مانگرو دەرىخى

مانگلىتسىيە

مانگو

مانومېتىر

مانۇفاكتۇرا

مانېكېن

مانېۋىر

مانى

مانى دىنى

مانىزم

مانىفېست

مانىلكارا

مانىھوت

ماھارەت

ماھارەتچانلىق

ماھارەتلىك

ماھايانا

ماھىئەنۋەر

ماھىپەيكەر

ماھىتابان

ماھىر

ماھىرانە

ماھىرلاشتۇرماق

ماھىرلاشماق

ماھىرلىق

ماھىيەت

ماھىيەتچىلىك

ماھىيەتسىز

ماھىيەتلىك

ماۋخوزەرىش

ماۋرىتانىيە

ماۋزۇ

ماۋزۇر

ماۋزۇسىز

ماۋزۇلۇق

ماۋنەن

ماۋۇ

ماۋىي

مايⅠ

ماي تارتماق

ماي تۆكۈلسە يالىغۇدەك

ماي چاينىماق

مايⅡ

مايا

ماياتنىك

ماياقⅠ

ماياقⅡ(ما:ياق)

ماياقتاش

ماياقلاتماق

ماياقلاشماق

ماياقلىق

ماياقلىماق

ماياك

مايتۇ

مايتۇق

مايتۇق-سايتۇق

مايداڭ

مايدان

مايسا

مايسەن

مايسىراتماق

مايسىراشماق

مايسىرىماق

مايسىز

مايسىزار

مايسىزارلىق

مايسىلىق

مايقوڭغۇز

مايقۇرت

مايكا

مايكىچان

مايگۈل

مايلاتماق

مايلاشماق

مايلاقسىز

مايلاقلىق

مايلامچى

مايلامچىلىق

مايلانماق

مايلىشاڭغۇ

مايلىقⅠ

مايلىقⅡ

مايلىق دان

مايلىماق

مايماق

مايماق-سايماق

مايمۇن

مايمۇن ئويناتماق

مايمۇن ئويۇنى

مايمۇنزەنجىۋىلى

مايمۇنسىمان

مايمۇنسىمان ئادەم

مايمۇنشاپتۇلى

مايمۇنگۈل

مايور

مايىل

مايىللاشتۇرماق

مايىللاشماق

مايىللىق

مەⅠ

مەⅡ

مەبلەغ

مەبۇد

مەپە

مەپتۇن

مەپتۇنلۇق

مەپكۇرە

مەپھۇم

مەپىچى

مەپىخانا

مەپىكەش

مەپىكەشلىك

مەپىلىك

مەتبەئە

مەتبەئەچى

مەتبەئەچىلىك

مەتبۇئات

مەتبۇئاتچى

مەتبۇئاتچىلىق

مەتلۇب

مەتۇ

مەتۇرىدى

مەتۇرىدىلار

مەتۇلۇق

مەجاز

مەجازلىق

مەجازىي

مەجبۇر

مەجبۇرەن

مەجبۇرلاشماق

مەجبۇرلانماق

مەجبۇرلۇق

مەجبۇرلىماق

مەجبۇرىي

مەجبۇرىي دەرىجە

مەجبۇرىي مائارىپ

مەجبۇرىيەت

مەجرۇھ

مەجرۇھلانماق

مەجرۇھلۇق

مەجلىس

مەجلىسخانا

مەجلىسداش

مەجلىسۋاز

مەجلىسۋازلىق

مەجنۇن

مەجنۇنتال

مەجنۇنتاللىق

مەجنۇنلارچە

مەجنۇنلۇق

مەجمۇئە

مەجھۇل

مەجھۇل دەرىجە

مەجھۇل سان

مەجۇسىي

مەجۇسىيەت

مەجۇسىيلىق

مەجۈج

مەجۈن

مەجىگە

مەخپىي

مەخپىيەت

مەخپىيەتلىك

مەخپىيلەشتۈرمەك

مەخپىيلەشمەك

مەخپىيلىك

مەخرەج

مەخرەجلىك

مەخسۇس

مەخسۇسلاشتۇرماق

مەخسۇسلاشتۇرۇلماق

مەخسۇسلاشماق

مەخسۇم

مەخسۇمچە

مەخلۇق

مەخلۇقات

مەخمەل

مەخمەلگۈل

مەدەت

مەدەتكار

مەدەتكارلىق

مەدەتلەندۈرمەك

مەدەتلەنمەك

مەدەستان

مەدەك

مەدەن

مەدەنىيەت

مەدەنىيەتپەرۋەر

مەدەنىيەتپەرۋەرلىك

مەدەنىيەتسىز

مەدەنىيەتسىزلىك

مەدەنىيەتلىك

مەدەنىي

مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى

مەدەنىيلەشتۈرمەك

مەدەنىيلەشمەك

مەدەنىيلىك

مەدداھ

مەدداھلارچە

مەدداھلىق

مەددە

مەدرىسە

مەدھىيە

مەدھىيىچى

مەدھىيىلەتمەك

مەدھىيىلەشمەك

مەدھىيىلەنمەك

مەدھىيىلىمەك

مەدھىيىنامە

مەدىكار

مەدىكارچىلىق

مەدىكارلارچە

مەدىكارلىق

مەرئا

مەرەپكە

مەرەتمەك

مەرەز

مەرەزدار

مەرەشمەك

مەرەم

مەرپە

مەرتە

مەرتەم

مەرتەم-مەرتەم

مەرتەم-مەرتەم ئۈچ مەرتەم

مەرتىۋەⅠ

مەرتىۋەⅡ

مەرتىۋىسىز

مەرتىۋىلىك

مەرد

مەردلەرچە

مەردلىك

مەردانە

مەردانىلارچە

مەردانىلىك

مەردەشمەك

مەردەك

مەردىمەيدان

مەررە

مەرزەڭگە

مەرزەنجۈش

مەرسىيە

مەرغۇپ

مەرغۇل

مەرغۇلسىز

مەرغۇللاتماق

مەركەز

مەركەزچىلىك

مەركەزداش

مەركەزلەشتۈرمەك

مەركەزلەشتۈرۈشمەك

مەركەزلەشتۈرۈلمەك

مەركەزلەشمەك

مەركەزلىك

مەركىزىت

مەركىزىي

مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى

مەركىزىي ۋاقىت رايونى

مەرگەن

مەرگەنلىك

مەرگىمۇش

مەرمەر

مەرھابا

مەرھەمەت

مەرھەمەتسىز

مەرھەمەتلىك

مەرھۇم

مەرۇپ

مەرۇزەⅠ

مەرۇزەⅡ

مەرۇزىچى

مەرۋايىت

مەرۋايىتگۈل

مەرۋەرەك

مەرىپەت

مەرىپەتپەرۋەر

مەرىپەتپەرۋەرلىك

مەرىپەتچى

مەرىپەتچىل

مەرىپەتچىلىك

مەرىپەتسىز

مەرىپەتسىزلىك

مەرىپەتلىك

مەرىكە

مەرىكىلىك

مەرىمەك

مەزە

مەزەللەت

مەززە

مەززىسىز

مەززىسىزلىك

مەززىلىك

مەزكۇر

مەزگىل

مەزگىلسىز

مەزگىللىك

مەزلۇم

مەزلۇمچە

مەزلۇملارچە

مەزمۇت

مەزمۇتلاشتۇرماق

مەزمۇتلاشتۇرۇشماق

مەزمۇتلاشتۇرۇلماق

مەزمۇتلاشماق

مەزمۇتلۇق

مەزمۇن

مەزمۇنەن

مەزمۇندار

مەزمۇندارلىق

مەزمۇنداش

مەزمۇنسىز

مەزمۇنلۇق

مەزھەپ

مەزھەپچى

مەزھەپچىلىك

مەزۇر

مەزى

مەزى بېزى

مەزىن

مەزىنلىك

مەسە

مەسە-كالاچ

مەسەل

مەسەلچى

مەسەللەشتۈرمەك

مەسەللەشتۈرۈلمەك

مەسەللىك

مەست

مەستانە

مەستانىلىق

مەستەر

مەستەك

مەست-ئەلەس

مەستچىلىك

مەستخۇش

مەستخۇشلاندۇرماق

مەستخۇشلانماق

مەستخۇشلۇق

مەستلىك

مەستۇرە

مەستۇنە

مەستىكى

مەستىكى رۇمى

مەسچىت

مەسخىرە

مەسخىرىچى

مەسخىرىلەشمەك

مەسخىرىلەنمەك

مەسخىرىلىك

مەسخىرىلىمەك

مەسخىرىۋاز

مەسخىرىۋازلىق

مەسخىرىۋى

مەسرۇر

مەسقى

مەسكاپ

مەسكە

مەسلەك

مەسلەكداش

مەسلەكداشلىق

مەسلەكسىز

مەسلىھەت

مەسلىھەت چېيى

مەسلىھەتى يوق

مەسلىھەتەن

مەسلىھەتچى

مەسلىھەتسىز

مەسلىھەتلەشمەك

مەسلىھەتلىك

مەسنەۋى

مەسئۇل

مەسئۇل مۇھەررىر

مەسئۇللۇق

مەسئۇلىيەت

مەسئۇلىيەتچان

مەسئۇلىيەتچانلىق

مەسئۇلىيەتسىز

مەسئۇلىيەتسىزلىك

مەسئۇلىيەتلىك

مەسئۇلىيەتنامە

مەسۇم

مەسىلە

مەسىلەن

مەسىھ

مەشⅠ

مەشⅡ

مەشە

مەشئەل

مەشچى

مەشچىلىك

مەشرەپ

مەشرۇ

مەشرىق

مەشغۇل

مەشغۇلات

مەشغۇللاندۇرماق

مەشغۇللانماق

مەشغۇلىيەت

مەشقاۋۇل

مەشلىك

مەشھۇر

مەشۇت

مەشۇق

مەشۇقلۇق

مەشئۇم

مەشئۇملۇق

مەشىق

مەشىقخانا

مەغپىرەت

مەغرۇر

مەغرۇرانە

مەغرۇرلاندۇرماق

مەغرۇرلانماق

مەغرۇرلۇق

مەغرۇرلىنىشماق

مەغرىب

مەغلۇبىيەت

مەغلۇبىيەتچىلىك

مەغلۇبىيەتلىك

مەغلۇپ

مەغۇل

مەقئەت

مەقبەرە

مەقبۇل

مەقسەت

مەقسەتداش

مەقسەتسىز

مەقسەتلىك

مەقسۇد

مەكتەپ

مەكتەپداش

مەكتۇپ

مەكتۇپلاشماق

مەكتۇپنامە

مەكروھ

مەككار

مەككارلارچە

مەككارلىق

مەككىچامغۇر

مەكىتاش

مەگەر

مەگەرچەندە

مەگەركى

مەگەركىم

مەڭ

مەڭدەتمەك

مەڭدەشمەكⅠ

مەڭدىگەك

مەڭدىگەكلىك

مەڭدىمەك

مەڭز (مەڭزى)

مەڭگەن

مەڭگۈ

مەڭگۈتاش

مەڭگۈلۈك

مەڭگىسەر

مەڭلەشمەك

مەڭلىك

مەلەق

مەلەق-مەلەق

مەلەكⅠ

مەلەكⅡ

مەلتۈك

مەللە

مەللە پاختا

مەلھەم

مەلۇم

مەلۇمات

مەلۇماتچى

مەلۇماتسىز

مەلۇماتلىق

مەلۇمچى

مەلۇمكى

مەلۇملۇق

مەلۇملىماق

مەلۇمنامە

مەلئۇن

مەلئۇنلۇق

مەلىسكىن

مەلىكەⅠ

مەلىكەⅡ

مەلىكىزادە

مەلىكىسىز

مەلىكىلىك

مەمە

مەمەدان

مەمەدانلارچە

مەمەدانلىق

مەمەك

مەملىكەت

مەملىكەتلىك

مەممەم

مەمنۇن

مەمنۇنلۇق

مەمنۇنىيەت

مەمنۇنىيەتلىك

مەمۇرⅠ

مەمۇرⅡ

مەمۇرچىلىق

مەمۇرىي

مەمۇرىي جازا

مەمۇرىيەت

مەن

مەنە

مەنەن

مەنبە

مەنبەچىلىك

مەنبەداش

مەنبەسىز

مەنبەشۇناس

مەنبەشۇناسلىق

مەنبەلىك

مەنپەئەت

مەنپەئەتپەرەس

مەنپەئەتپەرەسلىك

مەنپەئەتچىلىك

مەنپەئەتدار

مەنپەئەتدارلىق

مەنپەئەتسىز

مەنپەئەتلىك

مەنپەر

مەنپەسى

مەنپۇ

مەنپىز

مەنپىي

مەنپىي زەرەت

مەنپىي سان

مەنپىيلىك

مەنتىق

مەنتىقچانلىق

مەنتىقسىز

مەنتىقسىزلىق

مەنتىقشۇناس

مەنتىقشۇناسلىق

مەنتىقلىق

مەنتىقىي

مەنجاڭⅠ

مەنجاڭⅡ

مەنجاڭلىق

مەنچىلىك

مەنزەر

مەنزۇر

مەنزىرە

مەنزىرىلىك

مەنزىل

مەنزىلسىز

مەنزىلگاھ

مەنسەپ

مەنسەپپەرەس

مەنسەپپەرەسلىك

مەنسەپخور

مەنسەپخورلۇق

مەنسەپدار

مەنسەپدارلىق

مەنسەپسىز

مەنسۇپ

مەنسۇپلۇق

مەنسۇخ

مەنسىتمەسلىك

مەنسىتمەك

مەنسىتىشمەك

مەنسىتىلمەك

مەنقۇلات

مەنقۇلاتلىق

مەنمەن

مەنمەن دېگەن

مەنمەنچى

مەنمەنچىلىك

مەنمەنلىك

مەنىي

مەنئى

مەنىدار

مەنىداش

مەنىداشلىق

مەنىسىز

مەنىسىزلىك

مەنىلىك

مەنىۋى

مەنىۋى مەدەنىيەت

مەنىۋى مۇھىت

مەھ

مەھەل

مەھەللە

مەھەللە-كوي

مەھەللىدارچىلىق

مەھەللىداش

مەھەللىلىك

مەھەللىۋاز

مەھەللىۋازلىق

مەھەللىۋى

مەھەللىي

مەھبۇب

مەھبۇس

مەھبۇسلۇق

مەھرەم

مەھرەم بېگى

مەھرۇم

مەھسۇل

مەھسۇلات

مەھسۇلاتلىق

مەھشەر

مەھشەرگاھ

مەھكەم

مەھكەملەتمەك

مەھكەملەشمەك

مەھكەملەنمەك

مەھكەملىمەك

مەھكۇم

مەھكۇمانە

مەھكۇملارچە

مەھكۇملۇق

مەھكىمە

مەھكىمىچىلىك

مەھلىيا

مەھلىيالىق

مەۋج

مەۋجلەنمەك

مەۋجلىك

مەۋجۇت

مەۋجۇتلۇق

مەھەللىۋى

مەۋجۇدىيەت

مەۋسۇم

مەۋسۇملۇق

مەۋقە

مەۋقەسىز

مەۋقەسىزلىك

مەۋلانا

مەۋلۇت

مەۋلۇت ئاي

مەۋھۇم

مەۋھۇملۇق

مەئىشەت

مەئىشەتپەرەس

مەئىشەتپەرەسلىك

مەئىشەتلىك

مەي

مەي باغلىماق

مەيەر

مەيپەرەس

مەيپەرەسلىك

مەيپۇرۇش

مەيپۇرۇشلۇق

مەيخانا

مەيخور

مەيخورلۇق

مەيدان

مەيدانغا چۈشمەك

مەيدانچاق

مەيدانخانا

مەيدانسىز

مەيدانكەش

مەيدانكەشلىك

مەيدانلاشتۇرماق

مەيدانلاشتۇرۇلماق

مەيدانلاشماق

مەيدەⅠ

مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار

مەيدىسىگە تەپمەك

مەيدىسىگە ئۇرماق

مەيدىسىنى كەرمەك

مەيدەⅡ

مەيدە-چۈيدە

مەيدىلىك

مەيدىلىمەك

مەيزاب

مەيل

مەيلى بار

مەيلى چۈشمەك

مەيلى يوق

مەيلى

مەيلىچە

مەينەت

مەينەتچىلىك

مەينەتلەشتۈرمەك

مەينەتلەشتۈرۈشمەك

مەينەتلەشمەك

مەيۈس

مەيۈسانە

مەيۈسلەندۈرمەك

مەيۈسلەنمەك

مەيۈسلۈك

مەيۈسلىنىشمەك

مەيۋازلىق

مەيۋەن

مەيىن

موⅠ

مو سالماق

موⅡ

موⅢ

موبى

موتاتماق

موتاشماق

موتەر

موتەك

موتسىكلىت

موتىماق

موچەن

موچەنلىك

موچىن

موخازا

موخەك

موخوركا

موخوركىچى

مودا

مودەن

مودەنگۈل

مودېرنىزم

مودېل

مودېللاشتۇرماق

مودېللاشتۇرۇلماق

مودېللاشماق

مودىلىق

مور

مورا

مورا بېشى

مورىدىن تۈتۈن چىقارماق

مورفولوگىيە

مورفولوگىيىلىك

مورفېما

مورفىن

مورفىنىزم

مورگانىزم

مورلاتماق

مورلاشماق

مورلانماق

مورلىماق

مورۇشۇ

مورېنا

مورىگول

مورىلىق

موزا

موزاي

موزايلاتماق

موزايلىق

موزايلىماق

موزايۋېشى

موزدۇز

موزدۇزخانا

موزدۇزلۇق

موزىچىلار

موس

موسسىدە

موس-موس

موسۇلداتماق

موسۇلدىماق

موك

موكا

موككىدە

موكلىماق

موك-موك

موكىبېلىق

موكىسىمان

موگو

موڭغۇل

موڭغۇل ئىرقى

موڭغۇلچە

مولⅠ

مولⅡ

مولاتماق

مولاشماق

مولانماق

مولچىلىق

موللا

موللا تاپقاق

موللا مۈشۈك

موللاتماق

موللاشتۇرماق

موللاشتۇرۇلماق

موللاشماق

موللاق

موللاق ئاتماق

موللاقچى

موللاقلىماق

موللام

موللاۋى

موللىقوپقاق

موللىلىق

مولۇقⅠ

مولۇقⅡ

مولۇن

مولېكۇلا

مولېكۇلىلىق

مولىبدېن

مولىبدېنىت

مولىتىلماق

مولىماق

موم

موم بولماق

موماⅠ

موماⅡ

موماⅢ

موماي

مومسىق

مومسىقلىق

مومقا

موملاتماق

موملاشماق

موملانماق

موملىماق

مومېنت

مومېنتلىق

مۇناتسىت

موناخ

مونارخىزم

مونارخىست

مونارخىيە

مونارخىيىلىك

موناستىر

مونەكⅠ

مونەكⅡ

مونەكچە

مونەكلەشتۈرمەك

مونەكلەشتۈرۈلمەك

مونەكلەشمەك

مونەكلەنمەك

مونەكلىمەك

مونەك-مونەك

مونتاژ

مونتاژلىق

مونچاق

مونچاققوراي

مونچاقلىماق

مونچاق-مونچاق

مونزونىت

مونزونىتلىق

مونوپول

مونوپولچىلىق

مونوپوللۇق

مونوپولىيە

مونوپولىيىچى

مونولوگ

مونىزم

موھتاج

موھتاجلىق

موۋۇت

موي

مويەكچە

مويچى

مويچىلىق

مويسىپىت

مويسىپىتلىك

مويكا

مويلۇق

موينا

موينىكەش

مۇئاپ

مۇئامىلە

مۇئامىلىلىك

مۇئاھىدە

مۇئاۋىن

مۇئاۋىنلىق

مۇئەتتەر

مۇئەسسەسە

مۇئەككەل

مۇئەللەق

مۇئەللىپ

مۇئەللىم

مۇئەللىملىك

مۇئەمما

مۇئەييەن

مۇئەييەنلەشتۈرمەك

مۇئەييەنلەشتۈرۈشمەك

مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەك

مۇئەييەنلەشمەك

مۇئەييەنلىك

مۇبادا

مۇبارەك

مۇبارەكلەشمەك

مۇبارەكلەنمەك

مۇبارەكلىمەك

مۇبالىغە

مۇبالىغىلەشتۈرمەك

مۇبالىغىلەشتۈرۈلمەك

مۇبالىغىلەشمەك

مۇباھ

مۇپەتتىش

مۇپەتتىشلىك

مۇپەسسەل

مۇپەسسىر

مۇپتى

مۇپتىخانا

مۇپتىلا

مۇپتىلالىق

مۇپتىلىق

مۇت

مۇت كېپەن

مۇتالىئە

مۇتاناسىپ

مۇتەئەسسىپ

مۇتەئەسسىپلەشتۈرمەك

مۇتەئەسسىپلەشمەك

مۇتەئەسسىپلىك

مۇتەپەككۇر

مۇتەخەسسىس

مۇتەخەسسىسلەشتۈرمەك

مۇتەخەسسىسلەشتۈرۈلمەك

مۇتەخەسسىسلەشمەك

مۇتەخەسسىسلىك

مۇتەسسە

مۇتەكەببۇر

مۇتەكەببۇرلۇق

مۇتتەھەم

مۇتتەھەملىك

مۇتلەق

مۇتلەقچىلىك

مۇتلەقلەشتۈرمەك

مۇتلەقلەشتۈرۈلمەك

مۇتلەقلەشمەك

مۇتلەقلىك

مۇتىۋەللى

مۇتىۋەللىلىك

مۇجەسسەم

مۇجەسسەملەشتۈرمەك

مۇجەسسەملەشتۈرۈلمەك

مۇجەسسەملەشمەك

مۇجەسسەملەنمەك

مۇجەسسەملىمەك

مۇجۇتماق

مۇجۇشماق

مۇجۇق

مۇجۇلماق

مۇجۇماق

مۇچ

مۇخ

مۇخالىپ

مۇخالىپلىق

مۇخەممەس

مۇخبىر

مۇخبىرلىق

مۇختارىيەت

مۇختارىيەتچى

مۇختەمىلات

مۇختىسەر

مۇخلار

مۇخلىس

مۇداپىئە

مۇداپىئىچى

مۇداپىئىلەنمەك

مۇداخىلە

مۇداخىلىچى

مۇدەررىس

مۇدەررىسلىك

مۇددەت

مۇددەتسىز

مۇددەتلىك

مۇددىئا

مۇدھىش

مۇدھىشلىك

مۇدىر

مۇدىرلىق

مۇدىرىيەت

مۇراببا

مۇراجىئەت

مۇراجىئەتنامە

مۇراد

مۇراد-مەقسەت

مۇراسىم

مۇراسىملىق

مۇرەببە

مۇرەببىي

مۇرەسسە

مۇرەسسەچى

مۇرەسسەچىلىك

مۇرەسسەسىز

مۇرەسسەسىزلىك

مۇرەسسەلەشتۈرمەك

مۇرەسسەلەشتۈرۈلمەك

مۇرەسسەلەشمەك

مۇرەسسە-مادارا

مۇرەككەپ

مۇرەككەپلەشتۈرمەك

مۇرەككەپلەشتۈرۈلمەك

مۇرەككەپلەشمەك

مۇرەككەپلىك

مۇرتەت

مۇرتەتلىك

مۇرچۇبا

مۇردا

مۇرمەككى

مۇرۇللۇغ

مۇرۇۋۋەت

مۇرۇۋۋەتسىز

مۇرۇۋۋەتلىك

مۇرىت

مۇز

مۇز توپ

مۇز دەۋرى

مۇزاكىرە

مۇزاكىرىسىز

مۇزاكىرىلەشمەك

مۇزەپپەر

مۇزخانا

مۇزدەك

مۇزلاتماق

مۇزلاشماق

مۇزلۇق

مۇزلىتىلماق

مۇزلىماق

مۇزېي

مۇزىكا

مۇزىكانت

مۇزىكىشۇناس

مۇزىكىشۇناسلىق

مۇزىكىلىق

مۇسابىقە

مۇسابىقىچى

مۇسابىقىلەشتۈرمەك

مۇسابىقىلەشتۈرۈلمەك

مۇسابىقىلەشمەك

مۇساپە

مۇساپىر

مۇساپىرپەرۋەر

مۇساپىرپەرۋەرلىك

مۇساپىرچىلىق

مۇساپىرخانا

مۇساپىرلىق

مۇساپىلىق

مۇسادىرە

مۇسەببە

مۇسەددەس

مۇسەللەسⅠ

مۇسەللەسⅡ

مۇسەممەن

مۇسەننىپ

مۇسبەت

مۇستەبىت

مۇستەبىتچىلىك

مۇستەبىتلىك

مۇستەسنا

مۇستەسناسىز

مۇستەسنالىق

مۇستەقىل

مۇستەقىلچى

مۇستەقىللىق

مۇستەكرە

مۇستەملىكە

مۇستەملىكىچى

مۇستەملىكىچىلىك

مۇستەملىكىلىك

مۇستەھەپ

مۇستەھەپخانا

مۇستەھزاد

مۇستەھكەم

مۇستەھكەملەتمەك

مۇستەھكەملەشمەك

مۇستەھكەملەنمەك

مۇستەھكەملىك

مۇستەھكەملىمەك

مۇسكۇل

مۇسكۇللۇق

مۇسۇلمان

مۇسۇلمانچە

مۇسۇلمانچىلىق

مۇسۇلمانلىق

مۇسىبەت

مۇسىبەتلىك

مۇشاۋىر

مۇشاۋىرەك

مۇشاۋىرلىق

مۇشائىرە

مۇشەررەپ

مۇشەققەت

مۇشەققەتچىلىك

مۇشەققەتسىز

مۇشەققەتلىك

مۇشپىق

مۇشت

مۇشت ئاتماق

مۇشت كۆتۈرمەك

مۇشتا

مۇشتاق

مۇشتاقلىق

مۇشتەرى

مۇشتەك

مۇشتەكلىمەك

مۇشتلاشتۇرماق

مۇشتلاشچى

مۇشتلاشماق

مۇشتلانماق

مۇشتلىماق

مۇشتۇم

مۇشتۇمزور

مۇشتۇمزورلۇق

مۇشك

مۇشك-ئەنبەر

مۇشۇ

مۇشۇ تاپ

مۇشۇ تاپتا

مۇشۇ تۇرقىدا

مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ

مۇشۇنچە

مۇشۇنچىلىك

مۇشۇنچىۋالا

مۇشۇنداق

مۇغەمبەر

مۇغەمبەرانە

مۇغەمبەرلەرچە

مۇغەمبەرلىك

مۇغەننى

مۇفتا

مۇقابىل

مۇقاتىل

مۇقاتىل دەرىخى

مۇقام

مۇقامدا يوق

مۇقامغا سىغماسلىق

مۇقامىغا يەتمەك

مۇقامچى

مۇقامچىلىق

مۇقامشۇناس

مۇقامشۇناسلىق

مۇقاۋا

مۇقاۋىچى

مۇقاۋىچىلىق

مۇقاۋىسىز

مۇقاۋىلاتماق

مۇقاۋىلانماق

مۇقاۋىلىق

مۇقاۋىلىماق

مۇقەددەس

مۇقەددەسلەشتۈرمەك

مۇقەددەسلەشتۈرۈلمەك

مۇقەددەم

مۇقەددىمە

مۇقەررەر

مۇقەررەرلەشتۈرمەك

مۇقەررەرلەشتۈرۈلمەك

مۇقەررەرلەشمەك

مۇقەررەرلىك

مۇقۇدىماق

مۇقۇلداشماق

مۇقىم

مۇقىمسىز

مۇقىمسىزلىق

مۇقىملاشتۇرماق

مۇقىملاشتۇرۇشماق

مۇقىملاشتۇرۇلماق

مۇقىملاشماق

مۇقىملىق

مۇكاپات

مۇكاپاتلاشماق

مۇكاپاتلانماق

مۇكاپاتلىق

مۇكاپاتلىماق

مۇكاپاتنامە

مۇكەممەل

مۇكەممەلسىزلىك

مۇكەممەللەشتۈرمەك

مۇكەممەللەشتۈرۈلمەك

مۇكەممەللەشمەك

مۇكەممەللىك

مۇڭ

مۇڭداش

مۇڭداشقاق

مۇڭداشماق

مۇڭ-زار

مۇڭلانماق

مۇڭلۇق

مۇلازىم

مۇلازىمەت

مۇلازىمەتچى

مۇلازىمەتچىلىك

مۇلازىملىق

مۇلاقات

مۇلاھىزە

مۇلاھىزىلىك

مۇلاۋ

مۇلايىم

مۇلايىملاشتۇرماق

مۇلايىملاشماق

مۇلايىملىق

مۇلتىپلېت

مۇلتىمېتىر

مۇلغۇي

مۇم

مۇمپۇق

مۇمكىن

مۇمكىنچىلىك

مۇمكىنقەدەر

مۇمكىنلىك

مۇمىيا

مۇمىيالاتماق

مۇمىيالانماق

مۇمىيالىماق

مۇناپىق

مۇناپىقلاشماق

مۇناپىقلىق

مۇناجات

مۇنار

مۇنارلىق

مۇنازىرە

مۇنازىرىچى

مۇنازىرىسىز

مۇنازىرىلەشتۈرمەك

مۇنازىرىلەشتۈرۈلمەك

مۇنازىرىلەشمەك

مۇنازىرىلىك

مۇناسىپ

مۇناسىپلىق

مۇناسىۋەت

مۇناسىۋەتسىز

مۇناسىۋەتلەشتۈرمەك

مۇناسىۋەتلەشمەك

مۇناسىۋەتلىك

مۇناقى

مۇنەججىم

مۇنەججىملىك

مۇنەۋۋەر

مۇنبەت

مۇنبەر

مۇنتەزىر

مۇنتىزىم

مۇنتىزىملاشتۇرماق

مۇنتىزىملاشتۇرۇلماق

مۇنتىزىملاشماق

مۇنتىزىملىق

مۇنچا

مۇنچە

مۇنچىچى

مۇنچىچىلىق

مۇنچىكەش

مۇنچىكەشلىك

مۇنچىلىك

مۇنچىۋالا

مۇندا

مۇنداق

مۇنداق قارىغاندا

مۇنداقتا

مۇنداقچە

مۇندەرىجە

مۇندۇلاج

مۇنقەرز

مۇنقەرزلىك

مۇنكىر

مۇنكىر-نەكىر

مۇنۇ

مۇھاپىزەت

مۇھاپىزەت ئورمىنى

مۇھاپىزەتچى

مۇھاپىزەتچىلىك

مۇھاجىر

مۇھاجىرلىق

مۇھاسىرە

مۇھاسىرىچى

مۇھاكىمە

مۇھاكىمىچى

مۇھەببەت

مۇھەببەتسىز

مۇھەببەتلەشمەك

مۇھەببەتلىك

مۇھەببەتنامە

مۇھەببەت-نەپرەت

مۇھەررەم

مۇھەررىر

مۇھەررىرلىك

مۇھتەسىپ

مۇھىت

مۇھىم

مۇۋاپىق

مۇۋاپىقلاشتۇرماق

مۇۋاپىقلاشتۇرۇلماق

مۇۋاپىقلاشماق

مۇۋازىنەت

مۇۋازىنەتلىك

مۇۋەببەلسىپىت

مۇۋەپپەق

مۇۋەپپەقىيەت

مۇۋەپپەقىيەتسىز

مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك

مۇۋەپپەقىيەتلىك

مۇۋەششەھ

مۇۋەققەت

مۇيات

مۇياتلىق

مۇيەسسەر

مۇيىم-تۇيىم

مۆ

مۆتەزىلە

مۆتىدىل

مۆتىدىل بەلۋاغ

مۆتىدىللەشمەك

مۆتىدىللىق

مۆتىۋەر

مۆتىۋەرلىك

مۆجىزات

مۆجىزە

مۆجىزىكار

مۆجىزىلىك

مۆرەتمەك

مۆرەشمەك

مۆرەن

مۆرۇخات

مۆرىت

مۆرىمەس

مۆرىمەك

مۆكتۈرمە

مۆكتۈرمەك

مۆكتۈرۈلمەك

مۆكمەك

مۆكۈشمەكⅠ

مۆكۈشمەكⅡ

مۆكۈنمەك

مۆكىمۆكىلەڭ

مۆڭ

مۆڭدەرىمەك

مۆڭكۈشلىمەك

مۆڭكۈگەك

مۆڭكۈمەك

مۆڭگەك

مۆڭگەكلىمەك

مۆڭلۈك

مۆڭمەك

مۆل

مۆلە

مۆلچەر

مۆلچەر سان

مۆلچەرلەتمەك

مۆلچەرلەشمەك

مۆلچەرلەنمەك

مۆلچەرلىمەك

مۆلدۈر

مۆلدۈرⅡ

مۆلدۈرلەتمەك

مۆلدۈرلەشمەك

مۆلدۈرلىمەك

مۆلدۈر-مۆلدۈر

مۆللىدە

مۆل-مۆل

مۆلۈلدەتمەك

مۆلۈلدەشمەك

مۆلۈلدىمەك

مۆمىن

مۆمىنلەرچە

مۆمىنلىك

مۆھتەرەم

مۆھلەت

مۆھلەتسىز

مۆھلەتلىك

مۆھۈر

مۆھۈردار (مۆھۈردارى)

مۆھۈردارلىق

مۆھۈرلەتمەك

مۆھۈرلەشمەك

مۆھۈرلەنمەك

مۆھۈرلۈك

مۆھۈرلىمەك

مۈجمەل

مۈجمەلسىز

مۈجمەللەشتۈرمەك

مۈجمەللەشتۈرۈلمەك

مۈجمەللەشمەك

مۈجمەللىك

مۈچە

مۈچەل

مۈچەلنامە

مۈدۈر

مۈدۈر-چوقۇر

مۈدۈرمەك

مۈدۈر-مۈدۈر

مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ

مۈدۈرۈشمەك

مۈدۈرۈلمەك

مۈدۈك

مۈرە

مۈرە قاقماق

مۈرىسىنى قىسماق

مۈرىنى شوتا قىلماق

مۈرىنى مۈرىگە تىرىمەك

مۈرىدەشمەك

مۈرىدىمەك

مۈسۈن

مۈشكۈل

مۈشكۈلات

مۈشكۈلچىلىك

مۈشكۈللەشتۈرمەك

مۈشكۈللەشتۈرۈلمەك

مۈشكۈللەشمەك

مۈشكۈللۈك

مۈشۈك

مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ

مۈشۈك پىياز يېگەندەك

مۈشۈكئېيىق

مۈكچەيتمەك

مۈكچەيمەك

مۈكچىيىشمەك

مۈكۈرۈ

مۈكۈل-تېقىل

مۈگدەتمەك

مۈگدەشمەك

مۈگدەك

مۈگدىمەك

مۈڭگۈز

مۈڭگۈز پەردە

مۈڭگۈز چىقتىمۇ

مۈڭگۈز چىقماق

مۈڭگۈزى ئاشكارا بولماق

مۈڭگۈزى ئىچىدە

مۈڭگۈزسىز

مۈڭگۈزسىمان

مۈڭگۈزلەشمەك

مۈڭگۈزلۈك

مۈلكىي

مۈلۈك (مۈلكى)

مۈلۈكچىلىك

مۈلۈكدار

مۈلۈكسىز

مۈلۈكلۈك

مۈنۈچ

مۈنۈرىمەك

مۈنۈكۈم

مېتابولىزم

مېتازوئا

مېتاساكوۋىيە

مېتاساكوۋىيە دەرىخى

مېتافورا

مېتافىزىك

مېتافىزىكا

مېتافىزىكىلىق

مېتال

مېتالچىلىق

مېتالسىز

مېتالشۇناس

مېتالشۇناسلىق

مېتاللوئىد

مېتاللۇرگىيە

مېتاللىق

مېتامورفىزم

مېتامورفىلىق

مېتان

مېترو

مېتروپولىيە

مېترونوم

مېتود

مېتودلۇق

مېتودولوگىيە

مېتودىكا

مېتونومىيە

مېتېئور

مېتېئورولوگ

مېتېئورولوگىيە

مېتېئورولوگىيىلىك

مېتېئورىت

مېتىر

مېتىر سىستېمىسى

مېتىرلاتماق

مېتىرلاشماق

مېتىرلانماق

مېتىرلىق

مېتىرلىماق

مېتىس

مېتىسلاشتۇرماق

مېتىسلاشماق

مېتىل

مېتىلېن

مېتىن

مېخانىزم

مېخانىك

مېخانىكا

مېخانىكىلاشماق

مېخانىكىلىق

مېدال

مېداللىق

مېدالىئون

مېدۇزا

مېدىئانا

مېدىتسىنا

مېراج

مېركۇروخروم

مېركۇرىي

مېرگېل

مېرىدىئان

مېرىنوس

مېرىنوس قويى

مېزوزوئا

مېزون

مېشچان

مېشچانلاشتۇرماق

مېشچانلاشتۇرۇلماق

مېشچانلاشماق

مىشچانلىق

مېغىزⅠ

مېغىزىنى چاقماق

مېغىزⅡ

مېغىزلاتماق

مېغىزلاشماق

مېغىزلانماق

مېغىزلىق

مېغىزلىماق

مېكىجىن

مېكىيان

مېگافون

مېگاگېرتس

مېگائوم

مېگاۋات

مېگاۋولت

مېڭە

مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان

مېڭىسىنى ئۇماچ قىلىۋەتمەك

مېڭىسىنى يېمەك

مېڭىگە قان چۈشۈش

مېڭىش-تۇرۇش

مېڭىشلىق

مېڭىشماق

مېڭىلماق

مېل

مېلودىيە

مېلودىيىسىز

مېلودىيىلىك

مېلىس

مېمار

مېمارچىلىق

مېمارلىق

مېموراندۇم

مېمورىئال

مېمورىئال چەك

مېنبا

مېندېل

مېندېل فاكتورى

مېندېل قانۇنى

مېندېلېيېۋىي

مېندېلىزم

مېنزۇركا

مېنشېۋىزم

مېنشېۋىك

مېنىنگىت

مېھر

مېھر ھەققى

مېھراب

مېھرانە

مېھرىبان

مېھرىبانلارچە

مېھرىبانلاشماق

مېھرىبانلىق

مېھرىگۈل

مېھرىگىياھ

مېھمان

مېھمانخانا

مېھمانخانىلىق

مېھماندارچىلىق

مېھماندوست

مېماندوستلۇق

مېھمانلىق

مېھنەت

مېھنەتچان

مېھنەتچى

مېھنەتسىز

مېھنەتكەش

مېھنەتلىك

مېھىر (مېھرى)

مېھىرسىز

مېھىرسىزلىك

مېھىر-شەپقەت

مېھىرلىك

مېھىر-مۇھەببەت

مېۋە

مېۋە-چېۋە

مېۋىزار

مېۋىزارلىق

مېۋىسىز

مېۋىلەتمەك

مېۋىلىك

مېۋىلىمەك

مېيخۇا

مېيىپ

مېيىپلەنمەك

مېيىپلىك

مېيىت

مىت

مىتە

مىتەۋىلەشمەك

مىتتىدە

مىتكوت

مىتلوس

مىت-مىت

مىتېللا

مىتىقلىماق

مىتىق-مىتىق

مىتىلداتماق

مىتىلداشماق

مىتىلدىماق

مىجەز

مىجەزى بوش

مىجەزى پەس

مىجەزى پېتىر

مىجەزى قوداڭشىماق

مىجەزى يوق

مىجەز-خۇلق

مىجەزلىك

مىجىتماق

مىجىشماق

مىجىق

مىجىقلاتماق

مىجىقلاشماق

مىجىقلانماق

مىجىقلىماق

مىجىگەن

مىجىلماق

مىجىماق

مىچ

مىچچىدە

مىچ-مىچ

مىچىلداتماق

مىچىلداشماق

مىچىلدىماق

مىخ

مىخ مەتبەئە

مىخ يېزىق

مىختا

مىختەك قادالماق

مىختەك ئولتۇرماق

مىخقا ئۈسۈۋالماق

مىخلاتماق

مىخلاشماق

مىخلاقلىق

مىخلانماق

مىخلىق

مىخلىماق

مىدىر

مىدىر-سىدىر

مىدىرلاتماق

مىدىرلاشماق

مىدىرلىماق

مىدىر-مىدىر

مىدىق

مىدىقلىماق

مىدىق-مىدىق

مىراب

مىراببېگى

مىرابلىق

مىراخور

مىراس

مىراسخور

مىراسخورلۇق

مىراسىي

مىرت

مىرتتىدە

مىرت-مىرت

مىرزا

مىرزىخانا

مىرزىگۈل

مىرشەپ

مىرشەپ بېگى

مىرشەپلىك

مىرغەزەپ

مىرغىزار

مىرغىزارلىق

مىرقىراتماق

مىرقىراشماق

مىرقىرىماق

مىرۋەت

مىرىڭ

مىزاج

مىزان

مىزان بۇرجى

مىزگان

مىزگانچى

مىژ

مىژژىدە

مىژگان

مىژ-مىژ

مىژىلداشماق

مىژىلدىماق

مىسⅠ

مىس ئەينەك

مىس باش

مىس قورال دەۋرى

مىسⅡ

مىسال

مىسالەن

مىستىتسىزم

مىستىرىيە

مىستىكا

مىسرا

مىسرالىق

مىسرانⅠ

مىسران قىلىچ

مىسرانⅡ

مىسسىدە

مىسسىئونېر

مىسقال

مىسقالچە

مىسقالداكا

مىسقاللاپ

مىسقاللاتماق

مىسقاللاشماق

مىسقاللىق

مىسقاللىماق

مىسكانتۇس

مىسكانتۇس ئوتى

مىسكەر

مىسكەرلىك

مىسكىن

مىسكىنلەشمەك

مىسكىنلىك

مىسلى

مىسلىسىز

مىسلىمىياڭ

مىس-مىس

مىسۋاك

مىسۋاكلىماق

مىسىر

مىسىل

مىسىلچە

مىسىلداشماق

مىسىلدىماق

مىشⅠ

مىشⅡ

مىشە

مىشەك

مىشقىرىتماق

مىشقىرماق

مىشقىرىشماق

مىشقىرىق

مىشكاپ

مىشمېرىق

مىش-مىش

مىشىلداتماق

مىشىلداشماق

مىشىلدىماق

مىغ

مىغ-مىغ

مىغىلداشماق

مىغىلدىماق

مىفولوگىيە

مىفولوگىيىلىك

مىقدار

مىقدارلىق

مىقىرىماق

مىقياس

مىكرو

مىكرو خىمىيە

مىكرو دولقۇن

مىكروئامپېر

مىكروب

مىكروبسىز

مىكروبسىزلاندۇرماق

مىكروبسىزلاندۇرۇلماق

مىكروبسىزلانماق

مىكروبلانماق

مىكروبىئولوگ

مىكروبىئولوگىيە

مىكروسكوپ

مىكروسېكۇنت

مىكروفارادا

مىكروفوتوگرافىيە

مىكروفون

مىكروكرىستال

مىكروكىلىمات

مىكروكيۇرىي

مىكروگېنرى

مىكرومېتىر

مىكرون

مىكروئورگانىزم

مىكروئورگانىزملىق

مىكروۋات

مىكروۋولت

مىكروئېلېكترونىكا

مىكروئېلېمېنت

مىكوپلازما

مىكولوگىيە

مىكىر (مىكرى)

مىكىرلىك

مىكى-مىكى

مىگماتىت

مىڭ

مىڭ بالادا

مىڭ بىر

مىڭ پاتمان

مىڭ پارە بولماق

مىڭ پۇشايمان قىلماق

مىڭ تەستە

مىڭ توۋا

مىڭ جاپادا

مىڭ رازى

مىڭ رەھمەت

مىڭ قەتلە شۈكۈر

مىڭ قىلسىمۇ

مىڭ قىلغان بىلەن

مىڭلار خانىسى

مىڭ مەرتىۋە

مىڭ مۇشەققەتتە

مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلمەك

مىڭئاياغ

مىڭەر

مىڭپېلەك

مىڭدىۋانە

مىڭقېتى

مىڭگەن

مىڭلاپ

مىڭلاپ-مىڭلاپ

مىڭلارچە

مىڭلىغان

مىڭلىق

مىڭۋېگى

مىڭئۆي

مىڭيوپۇرماق

مىلⅠ

مىلⅡ

مىلⅢ

مىلاد

مىلادىيە

مىلەتمەك

مىلەشتۈرمەك

مىلەشمەك

مىلەڭزە

مىلەڭزىلىك

مىلەنمەك

مىلتىق

مىلتىق دورىسى

مىلتىقسىز

مىلتىقلىق

مىلجىڭ

مىلجىڭلىق

مىلجىڭلىماق

مىللەت

مىللەتپەرۋەر

مىللەتپەرۋەرلىك

مىللەتچى

مىللەتچىلىك

مىللەتشۇناس

مىللەتشۇناسلىق

مىللەتقاراش

مىللەتلىك

مىللىئامپېر

مىللىبار

مىللىسېكۇنت

مىللىگرام

مىللىلىتىر

مىللىمېتىر

مىللىمىكرون

مىللىي

مىللىي ئاپتونومىيە

مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى

مىللىيچە

مىللىيلاشتۇرماق

مىللىيلاشتۇرۇلماق

مىللىيلاشماق

مىللىيلىك

مىلىتارىزم

مىلىتارىست

مىلىتارىستلىق

مىلىچ

مىلىچچىدە

مىلىچلاتماق

مىلىچلىماق

مىلىچمال

مىلىچمالچى

مىلىق

مىلىق-سىلىق

مىلىققىدە

مىلىقلىماق

مىلىق-مىلىق

مىلىك

مىلىمەك

مىليارد

مىليون

مىليونلاپ

مىليونلارچە

مىليونلىغان

مىليونېر

مىمىكا

مىنا

مىنالاتماق

مىنالاشتۇرماق

مىنالاشتۇرۇلماق

مىنالاشماق

مىنالانماق

مىنالىماق

مىناميوت

مىناميوتچى

مىندۈرمەك

مىنگەشتۈرمەك

مىنگەشتۈرۈلمەك

مىنگەشمەك

مىنگو

مىنمەك

مىننەت

مىننەتخور

مىننەتدار

مىننەتدارلىق

مىننەتسىز

مىننەتلىك

مىنۇت

مىنۇت-سېكۇنت

مىنۇتلۇق

مىنۇس

مىنېرال

مىنېرال بۇلاق

مىنېرال پاختا

مىنېراللاندۇرماق

مىنېراللانماق

مىنېراللىق

مىنېرالوگرافىيە

مىنېرالوگىيە

مىنىبۇس

مىنىستىر

مىنىستىرلىق

مىنىشلىك

مىنىشمەك

مىنىمۇم

مىنىمېتىر

مىھلىيا

مىھلىيا چاتقىلى

مىياڭ

مىياڭلاتماق

مىياڭلاشماق

مىياڭلىماق

مىياڭ-مىياڭ

مىيانە

مىيانباز

مىياندۈك

مىيانسال

مىياۋلاشماق

مىياۋلىماق

مىياۋ-مىياۋ

مىيۇ

مىيۇ بېلىقى

مىيۇئون

مىيىق

مياۋزۇ

مياۋزۇچە

ئىزاھى

م

  • م[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە ئىككىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «م» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «م»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «م»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «م»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىم»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «مې».

  • «م» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن قوش لەۋ تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن دىماق تاۋۇشى، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

ما

  • ما[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] كۆرسىتىش ئالماش «ماۋۇ» نىڭ جانلىق تىلدا قىسقارغان شەكلى:[مىسال:] مانى ئۆزۈمگە، مانى ئۇكامغا ئالدىم.

مائارىپ

  • مائارىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەكتەپلەردىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە جەريانى:[مىسال:] مائارىپ ئىسلاھاتى. مائارىپ ئىشلىرى. مائارىپ فاڭجېنى. مائارىپ ئىدارىسى.[يەشمىسى:] ② تەلىم-تەربىيە، مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئىدارە:[مىسال:] بۈگۈن مەكتىپىمىزگە تەكشۈرۈش ئۈچۈن مائارىپتىن ئىككى كادىر كەپتۇ.

مائارىپپەرۋەر

  • مائارىپپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مائارىپ ئىشلىرىنى قوللىغۇچى، ياردەم قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] كېرەم ئىمىن ئۆزى ياراتقان بايلىقى بىلەن يۇرتىغا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ سېلىپ بەرگەن مائارىپپەرۋەر.

مائارىپپەرۋەرلىك

  • مائارىپپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكى ۋە مائارىپپەرۋەرلىكى ھەققىدە يېزىلغانلاردىن نۇرغۇن پارچىلارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

مائارىپچى

  • مائارىپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگۈچى كىشى، مائارىپ خادىمى:[مىسال:] مەن ئۇزۇن يىللىق مائارىپچى، بالىلارنىڭ، ياشلارنىڭ مىجەز-ھەۋەسلىرىنى كۆزىتىشكە قىزىقىمەن.

مائارىپچىلىق

  • مائارىپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] مېنىڭچە، دېدى لۇتپۇللا، ھازىر بىرلا ئۇلۇغ خىزمەت بار. ئۇ بولسىمۇ، مائارىپچىلىق، مۇئەللىملىك.

مائاش

  • مائاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىشلىگەن خىزمەتئ ۋە ئەمگەككە ئاساسەن بېرىلگەن ئىش ھەققى، پۇل، ئايلىق:[مىسال:] مائاشى ئۆسمەك.

مائاشسىز

  • مائاشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مائاش ئالمايدىغان، ئىش ھەققى يوق:[مىسال:] مۇنداق مائاشسىز خىزمەتنى قىلمايمەن.

مائاشلىق

  • مائاشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مائاشى بار، مائاش ئالىدىغان:[مىسال:] مائاشلىق ئىشچى.

مابەين (ى)

  • مابەين (ى)[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «مابەينىدە»گە قاراڭ:[مىسال:] ساقايسا بىر كېسەل، بىر قېتىم كۈلۈش، كۆپ يىللار مابەينى خالىققا ئادەت. ئۇلارنى كۆزىتىش، دورا يېگۈزۈش، ئىدىكى كۆڭلىدە چەكسىز سائادەت.

مابەينىدە

  • مابەينىدە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] داۋامىدا، ئارىلىقتا:[مىسال:] شۇندىن بۇيانقى 30 نەچچە كۈن مابەينىدە ئۇمۇ شۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتاتتى.

مات

  • مات[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاھمات ئويۇنىدا شاھنىڭ قارشى تەرەپ ئۇرۇقىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنالماي، يوقىلىش ھالىتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىيىن ئەھۋالدا قالغان، تەڭلىكتە قالغان، يېڭىلگەن:[مىسال:] بەستى تامدەك، قورسىقى نەچچە چاناقتەك بولسىمۇ، مات ئېلىپبە ئالدىدا ئۇ، ئىلمىي ھېكمەت بولمىسا.

مات بولماق

  • مات بولماق[يەشمىسى:] ① ئۇتقۇزۇپ قويماق، تۇتۇلماق:[مىسال:] مەن ئۇدا ئۈچ تاختا ئۇتتۇرۇپ قويدۇم، بىر قېتىم پىچكا مات بولدۇم.[يەشمىسى:] ② قىيىن ئەھۋالدا قالماق؛ يېڭىلمەك:[مىسال:] تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بولار (ماقال). * پادىشاھ قىز ئالدىدا مات بولۇپ يۈزى كېتىش، جېنىدىن ئايرىلىشتىن ئەنسىرەپ ئوردىغا قايتالماپتۇ.

مات قىلماق

  • مات قىلماق[يەشمىسى:] ① ئۇتماق:[مىسال:] بۇ گەپتىن كېيىن پادىشاھ شاھماتتا ئۆزىنى مات قىلىپ قويغان نىقابلىق پادىشاھنىڭ ئۆز خوتۇنى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ② قىيىن ئەھۋالدا، خىجالەتتە قالدۇرماق، يەڭمەك:[مىسال:] ۋەزىر دېھقاننى مات قىلىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپتۇ، خالار-خالىماستىن ئاتتىن چۈشۈپتۇ.

ماتا (ماتاسى)

  • ماتا (ماتاسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پاختا يىپتىن يەرلىك توقۇش دۇكىنىدا توقۇلغان رەخت، بۆز:[مىسال:] ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا (ماقال).

ماتاتماق

  • ماتاتماق[يەشمىسى:] «ماتىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماتاشماق

  • ماتاشماق[يەشمىسى:] «ماتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ماتاقچىۋىن

  • ماتاقچىۋىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ماتاق+چىۋىن[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارنىڭ كۆزىگە قونۇۋالىدىغان ئۇششاق چىۋىن.

ماتال

  • ماتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغاچ نور.

ماتالماق

  • ماتالماق[يەشمىسى:] «ماتىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەگرى-بۈگرى ياغاچ ئاخىرى ماتالدى.

ماتانەت

  • ماتانەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەرداشلىق، چىدام، تاقەت:[مىسال:] ئادەم دېگەندە روھ، پائالىيەت ۋە ماتانەت بولۇشى لازىم.

ماتانەتلىك

  • ماتانەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىدىيالايدىغان، تاقەت قىلالايدىغان، چىداملىق، سۇباتلىق:[مىسال:] خەۋەر كەلمەكتە يايلاقتىن كۈرەش جىددىي مۇشەققەتلىك، ئۇ يەردە قەھرىمان يوقسۇل ئېلىشماقتا ماتانەتلىك.

ماتەم

  • ماتەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىركىمنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىلدۈرۈلگەن تەزىيە، قايغۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇراسىم، قارىلىق تۇتۇش قاتارلىقلار:[مىسال:] ھەممە ياقنى قىيا-چىيا، ماتەم يىغىسى قاپلاپتۇ.[يەشمىسى:] ② قايغۇ، ھەسرەت:[مىسال:] سېنىڭ غەمگە گىرىپتار بولۇشۇڭ مېنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىق، پاراغەتكە چىقىشىڭ ماڭا ماتەم ئىدى.

ماتەمدار

  • ماتەمدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يېقىن كىشىسىنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان، ئۇنىڭغا ماتەم تۇتۇۋاتقان، قارىسىنى ئوشتۇمىغان كىشى؛ ھازىدار:[مىسال:] بىر كۈنى ھاتەم ئۇ يەردە قارا كىيىم كىيىشكەن، كۆرۈنۈشتە ماتەمدارغا ئوخشاش ھازا تۇتۇشقان بىر بۆلەك خالايىقنى كۆردى.

ماتەمسەرا

  • ماتەمسەرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ماتەم تۇتۇلىدىغان جاي، ئۆي:[مىسال:] جەننەتسېرى كەتتى تاشلاپ ھىجرانغا، ھىجران دېمە، ماتەمسەرا جاھانغا

ماتەملىك

  • ماتەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ماتەمگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ماتەمگە تەئەللۇق؛ ماتەمنى بىلدۈرىدىغان:[مىسال:] زۇبەيدە ئۇنىمۇ ماتەملىك قارا كىيىم كىيگەن ھالدا كۆرۈپ ئەھۋال سوراپتۇ.[يەشمىسى:] ② ماتەم تۇتقان:[مىسال:] كۆك ئاسمان ياش تۆكتى، قىچقىرار كاككۇك، ماتەملىك ۋادىغا ئېغىر مۇڭ تۆكۈپ، تاغ، تېرەك، گۈل... — گىياھ... — ئانا تەبىئەت، تۇرىدۇ ئەزگۇ بىر جىملىققا چۆكۈپ.

ماتراس

  • ماتراس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە پاختا، يۇڭ، پاخال قاتارلىقلار سېلىنغان قېلىن تۆشەك:[مىسال:] موللاقچىلار سەھنىگە چوڭ بىر ماتراسنى سېلىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

ماتروس

  • ماتروس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① دېڭىز ئارمىيىسى تەركىبىدىكى ئەسكەر.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن دېڭىز-ئوكيان قاتنىشىدا (كېمە، پاراخوت ئۈستىدە) خىزمەت قىلىدىغان كىشى.

ماترىئارخال

  • ماترىئارخال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئانىلىق ئۇرۇقداشلىققا مەنسۇپ بولغان:[مىسال:] ماترىئارخال جەمئىيەت. ماترىئارخال مۇناسىۋەت.

ماترىئارخاللىق

  • ماترىئارخاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەمئىيەت ۋە ئائىلىدە ئانا باشچىلىق قىلىدىغان، ئۇرۇقداشلىقتا ئانا ئاساس ھېسابلىنىدىغان فورماتسىيە:[مىسال:] ماترىئارخاللىق تۈزۈم.

ماتكاⅠ

  • ماتكاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قارتا ئويۇنىدا ئايال سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، سولداتتىن يۇقىرى، كارولدىن تۆۋەن تۇرىدىغان، 《Q》 بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كارتا.

ماتكاⅡ

  • ماتكاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ① بالىياتقۇ:[مىسال:] ماتكا راكى.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى.

ماتور

  • ماتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] «دۋىگاتېل»غا قاراڭ.

ماتورخانا

  • ماتورخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماتور ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆي.

ماتورلاشتۇرماق

  • ماتورلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ماتورلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماتورلاشتۇرۇلماق

  • ماتورلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ماتورلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ماتورلاشتۇرۇلغان قىسىم.

ماتورلاشماق

  • ماتورلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماتورلۇق قاتناش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللانماق (ھەربىي قوشۇن ھەققىدە).

ماتورلۇق

  • ماتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماتورى بار، ماتور ئورنىتىلغان:[مىسال:] ماتورلۇق كېمە.

ماتېرىك

  • ماتېرىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ①>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] قۇرۇقلۇق، قىتئە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئانا جىنس.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاساسلىق جىنس، ئۇل جىنس.

ماتېرىيال (ماتېرىيالى)

  • ماتېرىيال (ماتېرىيالى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەقسەت ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان خام ئەشيا، ماددا:[مىسال:] قۇرۇلۇش ماتېرىيالى. ماتېرىيال تەييارلىماق. ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى.[يەشمىسى:] ② ئاساس ياكى دەلىل ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان مەلۇمات، مەنبە ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] ماتېرىيال بۆلۈمى. بىرىنچى قول ماتېرىيال.

ماتېرىياللىق

  • ماتېرىياللىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماتېرىيال قىلىنىدىغان:[مىسال:] ماتېرىياللىق ئورمان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماتېرىيال بولۇپ يېتىلىش:[مىسال:] ماتېرىياللىق نىسبىتى.

ماتېرىيالىزم

  • ماتېرىيالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] پەلسەپەدىكى ئىككى چوڭ ئېقىمنىڭ بىرى. ئۇ دۇنيا ئۆز ماھىيىتىدىن ئالغاندا ماددا، ئۇ كىشىلەر ئېڭىدىن تاشقىرى، كىشىلەر ئېڭىغا باغلىق بولمىغان ھالدا ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؛ ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ماددىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنكاسى، شۇڭا ئىككىلەمچى؛ دۇنيانى بىلگىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ.

ماتېرىيالىزمچە

  • ماتېرىيالىزمچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ماتېرىيالىزم پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىپ:[مىسال:] «روھ ۋە تەن ئىككى مەنبەچىلىكى» نى ماتېرىيالىزمچە تۈگىتىش «روھ تەندىن خالىي ھالدا مەۋجۇت ئەمەس، روھ ئىككىلەمچى، مېڭىنىڭ رولى، تاشقى دۇنيانىڭ ئىنكاسى» دەپ تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت.

ماتېرىيالىزمچى

  • ماتېرىيالىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ماتېرىيالىست»قا قاراڭ:[مىسال:] تېمپېرامېنتنى ئەڭ بالدۇر تەتقىق قىلغان ۋە ئۇنى بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن ئىككى مىڭ يىلدىن ئىلگىرىكى يۇناننىڭ ساددا ماتېرىيالىزمچىسى دوختۇر ھېپپوكرات ئىدى.

ماتېرىيالىزملىق

  • ماتېرىيالىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ماتېرىيالىستىك»كە قاراڭ:[مىسال:] بۇ، پسىخىكىلىق ھادىسىلەرنى ماتېرىيالىزملىق ئاساستا ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

ماتېرىيالىست

  • ماتېرىيالىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ماتېرىيالىزم تەرەپدارى، ماتېرىيالىزم ئېقىمىدىكى كىشى:[مىسال:] ماتېرىيالىست بولۇش ئۈچۈن، سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىزگە ئېچىپ بەرگەن ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك.

ماتېرىيالىستىك

  • ماتېرىيالىستىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ماتېرىيالىزمغا ئائىت، ماتېرىيالىزم پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان:[مىسال:] ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكا.

ماتېرىيە

  • ماتېرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] «مادداⅡ»گە قاراڭ.

ماتېماتىك

  • ماتېماتىك[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماتېماتىكا ئالىمى، مۇتەخەسسىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماتېماتىكىغا ئائىت، ماتېماتىكا قائىدىلىرىگە ئاساسلانغان؛ ماتېماتىكىلىق:[مىسال:] ماتېماتىك فورمۇلا.

ماتېماتىكا

  • ماتېماتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكىللىرى بىلەن سانلىق مىقدار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ماتېماتىكىلىق

  • ماتېماتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماتېماتىكىغا ئائىت، ماتېماتىكا قائىدىلىرىگە ئاساسلانغان؛ ماتېماتىك:[مىسال:] ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش. ماتېماتىكىلىق ستاتىستىكا.

ماتىچى

  • ماتىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاھىشە ئايال.

ماتىغۇچ

  • ماتىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچ ماتېرىياللىرىنى تۈز قۇرۇتۇش ئۈچۈن تېڭىلىدىغان رۇس ياغاچ.

ماتىماق

  • ماتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە چىڭ تاڭماق:[مىسال:] ئوۋچىلار شىرنى يوغان بىر دەرەخقە ماتاپ باغلاپتۇ-دە، يەنە بىر شىرنى تۇتقىلى كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ياغاچ ماتېرىياللىرىنى نەمدەپ، قىزىتىپ، بىرەر نەرسىگە تېڭىپ ياكى باستۇرۇپ، ئېھتىياجلىق شەكىلگە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ئۇلار ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا گۈلخان يېقىپ دەستىلەرنى پۇچىلاپ، ماتىغۇچ بىلەن ماتىدى.

ماتىۋ

  • ماتىۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئاساسىي تېمىسىدىن پەرقلىق ھالدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك تېمىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسىرىنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتى.

ماجاق

  • ماجاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىجىلغان، ئېزىلگەن، ماجاقلانغان:[مىسال:] مېنى سۈنئىي دوك قىلىپ ياسىدى، ئاقساق پۇتۇمدىن ۋە ماجاق قولۇمدىن ئىلاجىنىڭ بارىچە پايدىلىنىشتى.

ماجاقلاتماق

  • ماجاقلاتماق[يەشمىسى:] «ماجاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماجاقلاشماق

  • ماجاقلاشماق[يەشمىسى:] «ماجاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ماجاقلانماق

  • ماجاقلانماق[يەشمىسى:] «ماجاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان ئويماندا، تاياق زەربىسىدىن ھوشىنى يوقىتىپ قويغان، بىلىكىگە ماجاقلانغان سېۋەتنىڭ بېغى ئىلىشىپ قالغان بىر قىز ياتاتتى.

ماجاقلىماق

  • ماجاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېزىپ، مىجىپ، ئەبجىقىنى چىقارماق:[مىسال:] توسۇن ئات مېۋىلەر ئۈستىدىن ئۆتۈپ، ئۈزۈم-شاپتۇل، قوغۇن-تاۋۇزلارنى ماجاقلاپ تاشلىدى.

ماجاڭ

  • ماجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قومۇش، سۆڭەك، سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسىلىپ ئۈستىگە گۈل ياكى خەت چېكىلگەن، قارتا تۈرىدىكى بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇمى، جەمئىي 136 دانە بولىدۇ.

ماجال (ماجالى)

  • ماجال (ماجالى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۈچ-قۇۋۋەت، ماغدۇر، مادار:[مىسال:] ئۇنىڭ، مېڭىش تۇرماق، گەپ قىلغۇدەك ماجالى يوق ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىمكانىيەت، پۇرسەت:[مىسال:] شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ ئاخىرقى جۈملىسى ھامىدىننى يەرگە قارىتىپ، لام دېيىشكە ماجال بەرمىدى.

ماجالسىز

  • ماجالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماجالى يوق، كۈچسىز، مادارسىز:[مىسال:] ئاتا بۇ چاغ بەك ھالسىز، قىزچاق سۈتسىز، ماجالسىز. يۇرتنى تاشلاپ بۇ چۆلگە، كەلگەن ئىكەن ئامالسىز.

ماجالسىزلانماق

  • ماجالسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماجالىدىن كەتمەك، مادارسىزلانماق:[مىسال:] كەچقۇرۇنلۇقى ماجالسىزلىنىپ قوشتىن چىقىمەن.

ماجالسىزلىق

  • ماجالسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماجالسىزلىنىش ھالىتى:[مىسال:] ماجالسىزلىقتىن ئۆلگەن قىياپەتتە ھىيلىگەرلىك قىلىپ يېتىۋالدى.

ماجىرا (ماجىراسى)

  • ماجىرا (ماجىراسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن كۆڭۈلسىز گەپ، سۆز، تىللىشىش، تالىشىش، جېدەل، ئۇرۇشۇش:[مىسال:] ئائىلە بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئۇششاق ماجىراسىدىن خالىي بولالمايتتى.

ماجىراچى

  • ماجىراچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم ماجىرا چىقىرىدىغان، ماجىرا تېرىپلا تۇرىدىغان كىشى:[مىسال:] توغرا دېدىلە، بۇ ئۈچ ماجىراچىنى ئەلۋەتتە بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش زۆرۈر.

ماجىرالاشماق

  • ماجىرالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماجىرا پەيدا قىلىپ ئۆزئارا ئۇرۇش-تالاش قىلىشماق، جېدەللەشمەك:[مىسال:] ئاسىم ھېكمەتنىڭ ئۆيىدىن قايتىشىدا ئاتخانا ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ روزىئاخۇن بىلەن ھەيدەرنىڭ ماجىرالىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدى.

ماجىرالىق

  • ماجىرالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماجىرا چىقىپ تۇرىدىغان، جېدەل-ماجىرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆڭلى ئاشۇ ماجىرالىق يىللار قوينىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى.

ماچ

  • ماچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مېۋە ۋە بەزى يېمەكلەرنى ئەزگەندە، چاينىغاندا ياكى يېپىشقاق لايغا دەسسىگەندە ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] يەرگە تۆكۈلگەن شاپتۇلدىن بىرى ئۇنىڭ ئايىغىدا «ماچ» قىلىپ ئېزىلدى.

ماچتا

  • ماچتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ① كېمىلەرنىڭ يەلكەن تارتىدىغان تىك ياغىچى.[يەشمىسى:] ② پاراخوتلارنىڭ بەلگە چىراغلىرى ئېسىلىدىغان، ئانتېننا ئورنىتىلىدىغان ۋە كۆزىتىش سۇپىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئېگىز خادىسى.

ماچچىدە

  • ماچچىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ماچ» قىلغان ھالدا، «ماچ» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ لايغا ماچچىدە دەسسىشى بىلەن كەشى لايدا قالدى.

ماچ-ماچ

  • ماچ-ماچ[يەشمىسى:] «ماچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ «ماچ-ماچ» قىلىپ تاڭگازا چايناشقا باشلىدى.

ماچىلداتماق

  • ماچىلداتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ماچ-ماچ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق.

ماچىلدىماق

  • ماچىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ماچ-ماچ» قىلغان ئاۋاز چىقماق.

ماخارⅠ

  • ماخارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مەخسۇس يۇغۇرۇلغان خېمىرنى ئارغامچا شەكلىدە ئېشىپ، ياغدا پىشۇرۇلىدىغان قۇيماق.

ماخارⅡ

  • ماخارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاناق بۇرۇن.

ماخاۋ

  • ماخاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] سوزۇلما خاراكتېرلىك يوقۇملۇق كېسەللىك. ماخاۋ تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا، تېرە ئۇيۇشۇش، قېلىنلاش، رەڭگى قارىيىش، تېرە يۈزىدە تۈگۈنچىلەر پەيدا بولۇش، چاچ-تۈكلەر تۆكۈلۈپ كېتىش، سېزىمنى يوقىتىش ۋە قول-پۇت بارماقلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ماختاتماق

  • ماختاتماق[يەشمىسى:] «ماختىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ مەقسىتى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر ماختىتىۋېلىش، دېدى ئۇ ماڭا.

ماختاشماق

  • ماختاشماق[يەشمىسى:] «ماختىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قالتىس ماھىر ئىكەن، قالتىس ماھىر ئىكەن، ئۇلار ھەيران بولۇپ ھەر خىل تىللاردا ماختىشىپ كەتتى.

ماختالماق

  • ماختالماق[يەشمىسى:] «ماختىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئارغىماقنىڭ سىياھدەك قارا رەڭگى، ئوت يېنىپ تۇرغان كۆزلىرى تالاش-تارتىشتا ماختالدى. لېكىن ئارغىماق بىرئاز ئورۇقراق ئىدى.

ماختانچاق

  • ماختانچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى ئۆزى ماختايدىغان، داۋاملىق ماختىنىپ يۈرىدىغان، ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان:[مىسال:] دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان، ئىچى قۇرۇق، ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان، مېغىزى يوق (ماقال).

ماختانچاقلىق

  • ماختانچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز-ئۆزىنى ماختاپ، ماختىنىپ يۈرىدىغان ئادەت، قىلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ نەزىرىدە، بۇ ھېكايىلەر ماختانچاقلىق ۋە مەنمەنلىكتىن خالىي ئەمەس ئىدى.

ماختانماق

  • ماختانماق[يەشمىسى:] «ماختىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بار ماختانسا ئېچىلىدۇ، يوق ماختانسا چېچىلىدۇ (ماقال). * ئۇ ئەتىسى مەكتەپكە بېرىپ ساۋاقداشلىرىغا بۇ ھەقتە سۆزلەپ تازا ماختاندى.

ماختۇم

  • ماختۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ماختانچاق.

ماختىماق

  • ماختىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىلغان ياخشىلىقلىرىنى، ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ گەپ قىلماق، ياخشى قىلىپ كۆرسەتمەك:[مىسال:] دوست كەينىڭدە ماختار، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار (ماقال). * ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ (ماقال).

ماختىنارلىق

  • ماختىنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماختىنىشقا ئەرزىيدىغان، ماختىنىشقا لايىق:[مىسال:] ئۇ ئېتىز ئاشخانىسىنىڭ ماختىنارلىق ئاشپىزى بولۇپ قالدى.

ماخوۋىك

  • ماخوۋىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] مېخانىزملارغا ئورنىتىلىدىغان چوڭ ھەم ئېغىر چاق.

ماخىزم

  • ماخىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بۇرژۇئازىيىنىڭ سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق پەلسەپە ئېقىمى. ئۇنى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاۋستىرىيىلىك ماخ بىلەن گېرمانىيىلىك ئاۋىنارىئۇس ياراتقان.

مادا

  • مادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئېشەكنىڭ چىشىسى:[مىسال:] مادا ئېشەك.

ماداخان

  • ماداخان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئايالچە:[مىسال:] ھاۋا تىنچىق. ماداخان قىلىنغان ئالدى ئوچۇق كۆڭلىكىمنىڭ ھەممە ئىزمىلىرىنى يېشىۋەتتىم.

ماداخىل

  • ماداخىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] پېشايۋانلارنىڭ ئەگمىلىرى تۇتاشقان جاي چىقىرىلىدىغان پانۇسقا ئوخشاش شەكىل.

مادارⅠ

  • مادارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل يىرتقۇچ قۇش. تۇمشۇقى ئىلمەك. دۈمبىسى قارا قوڭۇر بولۇپ پۇتلىرىدا تۈكى بار، كۆزى ئۆتكۈر، تاپ يەيدۇ.

مادارⅡ

  • مادارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋەت، ماغدۇر، ماجال، ئىقتىدار:[مىسال:] شەرەپلىك نامۇ ئۇنۋانىم، ئىجادقا كەڭرى ئىمكانىم. باھارنىڭ زوقى-ئىلھامى، مادار قوشتى مادارىمغا.

مادارا

  • مادارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يول قويۇش، كېلىشىش ئاساسىدىكى مۇناسىۋەت، مۇرەسسە:[مىسال:] ئاخىرىدا ئاتاقلىق جەزخور ماداراغا ئارىلىشىپ ئىشنى پۈتتۈردى.

ماداراچى

  • ماداراچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياراشتۇرغۇچى، كېلىشتۈرگۈچى، مۇرەسسەچى:[مىسال:] نەق مەيداندا ماداراچىلار ھۈنىرىنى ئىشقا سالماقچى بولدى-يۇ، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىدى.

ماداراچىلىق

  • ماداراچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارشىلاشماسلىق، مۇرەسسەلىشىش.

مادارسىز

  • مادارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مادارى يوق، كۈچسىز، زەئىپ، ماجالسىز:[مىسال:] قولۇمنى تارتىپ ئېلىشقا مادارسىز قالدىم.

مادارسىزلاندۇرماق

  • مادارسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «مادارسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تاماقنىڭ جايىدا بولماسلىقى، ئىشنىڭ ئېغىرلىقى ھەممىنى ئىككى كۈندىلا مادارسىزلاندۇرۇۋەتتى.

مادارسىزلانماق

  • مادارسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مادارىدىن، كۈچىدىن كەتمەك؛ بوشاشماق، زەئىپلەشمەك:[مىسال:] ئۇ مادارسىزلىنىپ، بىھوش بولۇپ يىقىلدى.

مادارسىزلىق

  • مادارسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مادارى يوقلۇق، كۈچسىزلىك، ماجالسىزلىق:[مىسال:] ئۇ مادارسىزلىقتىن ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ قارىيالمايتتى.

مادارلانماق

  • مادارلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مادار، ماغدۇر، كۈچ پەيدا بولماق:[مىسال:] ئوپېراتسىيىنىڭ 3-كۈنى ئۇ خېلى مادارلىنىپ يۈز-كۆزىگىمۇ قان يۈگۈرۈپ قالدى.

مادام

  • مادام[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەر ۋاقىت، ھەمىشە:[مىسال:] مەست بولۇڭ ئەرمەن قىزى قۇيغان شارابنى ئىچىپ، دەۋر سۈرگەيمىز مادام شەھرىيارلار ئىچىدە.

مادامىكى

  • مادامىكى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەرھالدا، ئەگەردە، قانداقلا بولمىسۇن:[مىسال:] مادامىكى سىز رازى ئىكەنسىز، مەن قارشىلىق قىلمايمەن.

مادداⅠ

  • مادداⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قانۇن، نىزام، بەلگىلىمە، توختام، رەسمىي ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ رەقەم ياكى ھەرپ بىلەن ئايرىلغان مۇستەقىل بۆلۈكى؛ تارماق:[مىسال:] بىتىمنىڭ ئاساسىي ماددىلىرى تۈزۈلدى.[يەشمىسى:] ② لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلگەن سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ ھەربىرى:[مىسال:] ئىزاھلىق لۇغەتتە سۆزلەر باش ماددا ۋە ياردەمچى ماددا قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مادداⅡ

  • مادداⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جىسىملارنى تەشكىل قىلغۇچى نەرسە:[مىسال:] ئورگانىك ماددا. زەھەرلىك ماددىلار. ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ چىنلىقنى ئىپادىلەيدىغان پەلسەپىۋى كاتېگورىيە. بۇنداق ئوبيېكتىپ چىنلىقنى ئادەم ھېس قىلىدۇ، ئۇ بىزنىڭ تۇيغۇمىزغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ تۇيغۇمىز ئۇنىڭدىن كۇپىيە، سۈرەت ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دۇنيانىڭ ماھىيىتى ماددىدۇر.

ماددىلاشتۇرماق

  • ماددىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ماددىلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماددىلاشماق

  • ماددىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماددىلارغا بۆلۈنمەك، ئايرىلماق.

ماددىلىق

  • ماددىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەلۇم ماددىلاردىن تۈزۈلگەن:[مىسال:] ئون بىر ماددىلىق بىتىم.

ماددىمۇماددا

  • ماددىمۇماددا[يەشمىسى:] بىر ماددا-بىر ماددىدىن، بىر ماددىنىمۇ تاشلىماي:[مىسال:] ماددىمۇماددا ئوقۇپ چىقماق. ماددىمۇماددا تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرمەك.

ماددىي

  • ماددىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ماددىدىن ئىبارەت بولغان، ماددىدىن تۈزۈلگەن:[مىسال:] ماددىي دۇنيا.[يەشمىسى:] ② مال ۋە پۇل، بايلىقتىن ئىبارەت بولغان:[مىسال:] ماددىي ياردەم. ماددىي ئىشلەپچىقىرىش. ماددىي مەدەنىيەت.

ماددىي مەدەنىيەت

  • ماددىي مەدەنىيەت[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى داۋامىدا ياراتقان ماددىي بايلىقى. مەسىلەن، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى، تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى ۋە قورال-ياراغ قاتارلىقلار.

ماددىيلاشتۇرماق

  • ماددىيلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ماددىيلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماددىيلاشماق

  • ماددىيلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماددىي ئۈنۈمگە ئىگە بولماق، ماددىي نەرسىگە ئايلانماق:[مىسال:] ياخشى پىلان تەجرىبىلىك رەھبەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ماددىيلاشقان قىممەتكە ئايلىنىپ بايلىق كەلتۈرىدۇ.

مادىخىدا

  • مادىخىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئارىسالدىلىق، ئىككىلىنىش.

ماددىيلىق

  • ماددىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماددا ھالىتىگە، شەكلىگە ئىگىلىك.

ماراتماق

  • ماراتماق[يەشمىسى:] «مارىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماراشماق

  • ماراشماق[يەشمىسى:] «مارىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى ئىككى ئوغۇل بالا ئانىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ مارىشىۋاتاتتى.* بۇ ۋەقە بولۇۋاتقاندا، ئىشىك-پەنجىرىلەرنىڭ يوچۇقلىرىدىن مارىشىپ تۇرغان كىشىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن كوچىغا يۈگۈرۈشۈپ چىقتى.

مارافون

  • مارافون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى گرېتسىيىدىكى بىر جاينىڭ نامى.

مارافونچە

  • مارافونچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مارافوندىكىگە ئوخشاش، مارافوندىكىگە ئوخشىتىپ:[مىسال:] مارافونچە يۈگۈرۈش.

مارافونچە يۈگۈرۈش

  • مارافونچە يۈگۈرۈش[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] چوڭ يولدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر خىل ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش تۈرى. ئۇنىڭ پۈتۈن مۇساپىسى 195.42 كىلومېتىر، بۇ خىل يۈگۈرۈش قەدىمكى گرېتسىيىدە دۇنياغا كەلگەن.

ماراقچى

  • ماراقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرىكەت ياكى مەلۇم پائالىيەتنى يوشۇرۇن كۆزىتىپ تۇرغۇچى؛ پايلاقچى:[مىسال:] گازۋاي چىراغنىڭ گۇڭگا يورۇقىدا ماراقچىلار بىر-بىرىنىڭ يۈزلىرىنى خىرە كۆرۈشۈپ ئولتۇراتتى.

ماراقچىلىق

  • ماراقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماراش، يوشۇرۇن كۆزىتىش ئىش-ھەرىكىتى:[مىسال:] ماراقچىلىق قىلماق.

ماراكەش

  • ماراكەش[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ماراكەش پادىشاھلىقى ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مەيدانى 458 مىڭ 730 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ ئاساسلقى ئەرەبلەر ۋە پارپالار، ئۇندىن باشقا يەنە ئاز ساندا چەت ئەللىكلەرمۇ بار. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، فرانسۇز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  • ماراكەشنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى پارپالار بولۇپ، مىلادى Ⅷ ئەسىردە تۇنجى ئەرەب دۆلىتى قۇرۇلغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەرب مۇستەملىكچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1912-يىلى فرانسىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1956-يىلى مۇستەقىل بولۇپ، 1957-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى نامىنى ماراكەش پادىشاھلىقى قىلىپ بېكىتكەن. 1958-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • ماراكەشنىڭ سۇلفات كىسلاتا تۇزى زاپىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، تەخمىنەن 64 مىليارد توننىغا يېتىدۇ، دۇنيا ئومۇمىي زاپىسىنىڭ [SX(]3[]4[SX)] قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇندىن باشقا سۈرمە، كۈمۈش ئىشلەپچىقىرىش ئافرىقىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. سۇلفات كىسلااتا تۇزى قېزىش سانائىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈۋرىكى. يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلمىغان، يېزا ئاھالىسى 06% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاشلىقتا ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي، تۆگە، كالا، ئىشەك ۋە قېچىر بېقىلىدۇ. ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئافرىقا بويىچە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

  • ئاساسلىق شەھەرلىرى: ① رابات، دۆلەت پايتەختى، تارىخى شەھەر بولۇپ، مىلادى ⅩⅡ ئەسىردە قۇرۇلغان. رابات گېلىمنىڭ داڭقى دۇنياغا مەشھۇر. ئاھالىسى بىر مىليون 100 مىڭ ئەتراپىدا. ② دار ئەل بەيدا (كاسابلانكا شەھىرى) ماراكەشنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق سودا پورتى ۋە سودا-سانائەت مەركىزى، بۇ شەھەرگە مەملىكەتنىڭ 07% سانائەت كارخانىسى جايلاشقان. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى دۆلەتنىڭ [SX(]2[]3[SX)] قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان زامانىۋى سۈنئىي پورتقا ئىگە، ئۇنىڭدا يەنە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ مەسچىت ھەسەنⅡ مەسچىتى بار.

مارال

  • مارال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] چىشى بۇغا.

مارالقۇلاق

  • مارالقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مارال+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۇلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يۇمىلاق تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى كىچىك، قارامتۇل سۆسۈن رەڭلىك. تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ. زەھەرلىك. جۇڭيىدا دورا قىلىنىدۇ. قەي قىلدۇرۇش رولى ناھايىتى كۈچلۈك. ئالتاي تاغلىرىدىن چىقىدۇ.

مارانگۈل

  • مارانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ماران+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۈتلۈكئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. توپلىشىپ ئۆسكەنلىرى يىراقتىن قارىغاندا قار دۆۋىسىدەك كۆرۈنىدۇ.

مارتⅠ

  • مارتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بۇ قەدىمكى رىم ئىلاھلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسلىي نامى «مارس» بولۇپ، مىلادىيە كالېندارىنى تۈزگۈچىلەر بۇ ئاينى مارسنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقا كېلىشىپ «مارس» سۆزىنى «مارت» قا ئۆزگەرتكەن.[يەشمىسى:]>[يەشمىسى:] ② ئاستر<[يەشمىسى:] مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ نامى.

مارتⅡ

  • مارتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بۇرۇننى تارتقاندا ياكى مىشقىرغاندا چىقىرىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ياسىن بۇرنىنى «مارت» قىلىپ تارتىپ قويۇپ خېتىنى يېزىۋەردى.

مارتتىدە

  • مارتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مارت» قىلغان ھالدا، «مارت» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ مارتتىدە بۇرنىنى تارتىپ قويغىنىغا خىجىللىقتىن يەرگە قارىدى.

مارت-مۇرت

  • مارت-مۇرت[يەشمىسى:] «مارت» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

مارتىلداتماق

  • مارتىلداتماق[يەشمىسى:] «مارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مارتىلداشماق

  • مارتىلداشماق[يەشمىسى:] «مارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مارتىلدىماق

  • مارتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مارت-مۇرت» قىلغان ئاۋاز چىقماق، «مارت-مۇرت» قىلماق.

مارجان

  • مارجان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] مارجان پولىپلار.[يەشمىسى:] ② مارجان پولىپلارنىڭ ھاكلىق ئىسكىلىت قالدۇقلىرىدىن ھاسىل بولغان تاش. شەكلى دەرەخ شېخىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، كۆپىنچە قىزىل، ئاق ياكى قارا رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتە مۇنچاق ۋە باشقا بېزەك بۇيۇملىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ مۇنچاق ياكى شۇ قاتارلىقلارنى يىپقا تىزىش ئارقىلىق تەييارلانغان ۋە بويۇنغا تاقىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى.

مارجاندەك

  • مارجاندەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دانە-دانە:[مىسال:] مارجاندەك قىپقىزىل بۇغدايلار خامان-خاماندا دۆۋىلىنىپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تامچا-تامچا:[مىسال:] بېشىنى كۆتۈرگەن مۇسا تاغا بوينىغا قىزىل گالستۇك ئاسقان، يۈزلىرى گالستۇك رەڭگىدەك قىزارغان، ئىككى مەڭزىنى بويلاپ ياشلىرى مارجاندەك تۆكۈلۈۋاتقان ئابدىرېھىمنى كۆردى.

مارجانگۈل

  • مارجانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مارجان+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بۇ خىل گۈل ئۆسۈملۈكى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ چاي ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

مارجانلىق

  • مارجانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مارجان قادالغان، مارجان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تىكىلگەن:[مىسال:] ماركو ئۆز قولى بىلەن ئۆتكۈزگەن مارجانلىق زۇننارنى كۆكچىنگە سوۋغا قىلدى.

مارس

  • مارس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن تۆتىنچى پلانېتا.

مارش

  • مارش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① ھەربىي يۈرۈشتە، سەپتە باراۋەر قەدەم تاشلاپ مېڭىشقا ماسلاشتۇرۇلغان مۇزىكا ياكى مۇشۇنداق مۇزىكىغا سېلىنغان ناخشا.[يەشمىسى:] ② تەنتەنىلىك مۇراسىم، سورۇنلاردا ئوقۇلىدىغان مەلۇم تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەيۋەتلىك ناخشا:[مىسال:] بۇ ۋەرەقىلەرنىڭ بىرىگە ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنىڭ نىزامنامىسى، يەنە بىرىگە ئۇچقۇنلار مارشى بېسىلغانىدى.

مارشال

  • مارشال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] «يۈەنشۈەي»گە قاراڭ.

مارك

  • مارك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گېرمانىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

ماركا

  • ماركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① پوچتا ئورۇنلىرى سېتىپ تارقىتىدىغان، ئۈستىگە ئۈلگىلىك رەسىم چۈشۈرۈلگەن، باھاسى يېزىلغان، تۆت بۇرجەك قەغەز؛ ئۇ ئەۋەتىش ھەققىگە باراۋەر قىممەتتە پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئۈستىگە چاپلىنىدۇ:[مىسال:] پوچتا ماركىسى. ماركا توپلىماق. ماركا چاپلىماق.[يەشمىسى:] ② بىر خىل تاۋارنىڭ تېشى ياكى قېپىغا بېسىلغان رەسىم، نەقىش شەكلىنى ئالغان يېزىق قاتارلىق بەلگىلەر:[مىسال:] «قار لەيلىسى» ماركىلىق تېلېۋىزور.

ماركسىزم

  • ماركسىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماركس ۋە ئېنگلىس ياراتقان پرولېتارىياتنىڭ ئىدىيە سىستېمىسى. ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قىسمى: ماركسىزملىق پەلسەپە، سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئىلمىي سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت.

ماركسىزمچى

  • ماركسىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماركسىزم تەرەپدارى، ماركسىزم پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغۇچى.

ماركسىزم-لېنىنىزم

  • ماركسىزم-لېنىنىزم[يەشمىسى:] ماركسىزم ۋە لېنىنىزم.

ماركسىزملىق

  • ماركسىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماركسىزمغا ئائىت بولغان، ماركسىزم پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان:[مىسال:] ماركسىزملىق دىئالېكتىكىلىق ئۇسۇلنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتنى كۆزىتىش ۋە جەمئىيەت تارىخىنى كۆزىتىشكە تەتبىق قىلىنىشى يۇقىرىدىكىلەردىن ئىبارەت.

ماركسىست

  • ماركسىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] «ماركسىزمچى»غا قاراڭ.

ماركىسىز

  • ماركىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماركىسى يوق، ماركا چاپلانمىغان:[مىسال:] ماركىنىڭ ھەرقانچە بولسۇن سەنئىتى، بەرىبىر بولغاي تاۋارنىڭ زىننىتى. تېگى چىڭ ھەم راستتىنلا بولسا شۇ تاۋار، ماركىسىزمۇ زادى كەتمەس قىممىتى.

ماركىلىق

  • ماركىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ماركىسى بار، ماركا چاپلانغان:[مىسال:] ماركىلىق كونۋېرت.[يەشمىسى:] ② بىرەر خىل تۈرگە تەئەللۇق:[مىسال:] «ئىنكار» ماركىلىق سائەت. * «بوئىن» ماركىلىق ئايروپىلان ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن كۆتۈرۈلدى.

مارگانسوپكا

  • مارگانسوپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] خىمىيىلىك تەركىبى K MNO4. بولغان ئانئورگانىك بىرىكمە.

ماروژنى

  • ماروژنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] سۇ، قايماق، سۈت، تۇخۇم، قەنت ۋە مېۋە شىرنىسى قاتارلىقلارنى تەڭشەپ توڭلىتىپ تەييارلىنىدىغان تاتلىق يېمەكلىك.

ماروژنىچى

  • ماروژنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماروژنى ئېتىپ ساتقۇچى كىشى.

ماروژنىچىلىق

  • ماروژنىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماروژنى ئېتىپ سېتىش ئىشى، كەسپى.

ماروژنىخانا

  • ماروژنىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماروژنى ئېتىپ، ساتىدىغان ئۆي، دۇكان:[مىسال:] بىز شۇ كۈنلەردە كوچىنىڭ دوقمۇشىدا بىر ماروژنىخانا ئاچقانىدۇق.

مارى

  • مارى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئانا قورسىقىدا تۆرەلگىنىگە ئۈچ ئايدىن بەش ئايغىچە بولغاندا قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەن قوزىنىڭ بۈدۈر-بۈدۈر كەلگەن تېرىسى.

مارىماق

  • مارىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە ياكى باشقا بىرەر نەرسىگە يوشۇرۇنچە نەزەر سالماق، كۆزەتمەك:[مىسال:] پىخسىق باي قاسساپ بازىرىغا بېرىپ ھەممە دۇكانلارغا قاراپتۇ، نەدە ئەرزان كالا باركىن دەپ ماراپتۇ.

مازⅠ

  • مازⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىشلىتىلگەن، كونا پاختا:[مىسال:] ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يىرتىقلىرىدىن چىقىپ قالغان مازلار گويا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاملاشمىقان، يارىماس قىلىقلارنى قىلىدىغان:[مىسال:] ئۇ خوتۇنى بىلەن يەتتە يارىشىپ، سەككىز ئاجراشقان ماز دېگىنە، ماز، جىڭ ماز[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يارىماس قىلىق، ئىش:[مىسال:] ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى (ماقال).

ماز پاينەك

  • ماز پاينەك [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] يارىماس پاينەكۋاش:[مىسال:] ھە ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ ماز پاينەك، دېدى ئۇ قولىدىكى كالتەكنى پۇلاڭلىتىپ تۇرۇپ.

مېزى چۇۋۇلماق

  • مېزى چۇۋۇلماق[يەشمىسى:] قىلمىش-ئەتمىشلىرى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلانماق:[مىسال:] ھەسەننىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ شۇنداق چاكىنا ئۆتكەن خەق. ئىززەت-ئابرۇي كۆتۈرەلمەيدۇ، بىر يەردىن بولمىسا، بىر يەردىن مېزى چۇۋۇلۇپ تۇرىدۇ.

مازⅡ

  • مازⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ماز بولماق»قا قاراڭ.

ماز بولماق

  • ماز بولماق[يەشمىسى:] مەسلىكى كەلمەك، خۇشاللانماق؛ ھۇزۇرلانماق:[مىسال:] تاماشا كۆرۈۋاتقانلار يىگىتنىڭ ماھارىتىدىن ماز بولۇشتى. * ئەخمىدى ئۆزىنىڭ سۆزىدىن ماز بولۇپ قاقاقلاپ كۈلەتتى.

مازار

  • مازار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆلگەن كىشىلەر دەپنە قىلىنىدىغان جاي، قەبرىستان، تۇپراق بېشى:[مىسال:] تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كىگىز بىلەن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خارابىلىككە ئايلانغان، ئادەم يوق جاي:[مىسال:] بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار (ماقال).

مازارغا چالما ئاتماق

  • مازارغا چالما ئاتماق[يەشمىسى:] ئۇلۇغلارغا تىل تەگكۈزمەك:[مىسال:] بېگىمگە بۇ گەپنى قىلامسەن بۇ سېنىڭ مازارغا چالما ئاتقىنىڭ ئەمەسمۇ؟

مازار غوجام

  • مازار غوجام[يەشمىسى:] ① كاتتا كىشىلەر دەپنە قىلىنغان دەپ ئالاھىدە ئۇلۇغلىنىدىغان مازار:[مىسال:] بەشىنچى قېتىم يەنە ئوغۇل تۇغدۇم. بۇ بالامنى ئۇلۇغ مازار غوجامغا ئاپىرىپ ئېتىنى نىياز قويدىىلى، ئالدىدىن توغرا ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۇلۇغ ئادەم:[مىسال:] بۇ مازار غوجاملارنىڭ دەستىدىن جان ساقلىماقمۇ تەس بولدى، دەيتتى ئۇ پات-پاتلا.

مازارگۇي

  • مازارگۇي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دائىم مازارلارنى زىيارەت قىلىپ، دۇئا-تەكبىر قىلىپ تۇرغۇچى كىشى:[مىسال:] «ھەيدەر ئاتا» مازىرىنى تاۋاپ قىلىشقا كېتىۋاتىمەن، ئۆزۈم مازارگۇي بىر ئادەم.

مازارلىق

  • مازارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مازارلار ئورۇنلاشقان جاي، زاراتلىق:[مىسال:] مازارلىقنى قورشاپ تۇرغان خەلق ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ جىددىي بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ ئەتراپقا تارىدى.

مازار-ماشايىخ

  • مازار-ماشايىخ[يەشمىسى:] مازار ۋە ئۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان ئۇلۇغ كىشىلەر:[مىسال:] شۇنداق، داخانمەن، نەگىلا بارسام مازار-ماشايىخلارنى، ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنى زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن.

مازارىيون

  • مازارىيون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مازارىيون ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە، ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق، پارقىراق، گۈلى سۇس قىزىل رەڭلىك، پۇراقلىق. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. يىلتىز پوستى دورا قىلىنىدۇ، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە.

مازاق

  • مازاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆتكۈر، ھەجۋىي سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش، مەسخىرە:[مىسال:] ۋە لېكىن رەھىمسىز دەۋران مازاق بىرلە كۈلۈپ قويدى، بۇلار ئالدىدا مۇتلەق ئەجەلنىڭ دارىنى كۆرگەچ.

مازاقچى

  • مازاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى مازاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى:[مىسال:] بۈگۈنكى سورۇندا بىرقانچە مازاقچىلارمۇ بار ئىدى.

مازاقلىماق

  • مازاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مازاق قىلماق، مەسخىرە قىلماق:[مىسال:] بىز كوچا-مەھەللىلەرگە مۇستەبىتلەرنى مازاقلاپ، ھەجۋىي رەسىملەرنى چاپلىدۇق.

مازلاشتۇرماق

  • مازلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مازلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى ئولتۇرۇشنى قاسىم تولا گەپ قىلىپ مازلاشتۇرمىغان بولسا، خېلى داۋام قىلاتتى.

مازلاشماق

  • مازلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىلىق ۋە گەپ-سۆزلىرى قاملاشماي كىشىلەرگە ياقماس بولۇپ قالماق، تېتىقسىزلاشماق، زاڭلاشماق:[مىسال:] ئۇ تېخىمۇ مازلىشىپ ئاياللارنى دوراپ، ئاۋازىنى ئىنچىكىلەشتۈردى.

مازلىق

  • مازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارىماس ئىش، قىلىقلارغا ئادەتلەنگەن ھالەت:[مىسال:] بۇ كىشىنىڭ بىر پۇڭ ئۈچۈن جېدەل تېرىدىغان مىجەزىنى، سورۇنلاردىكى مازلىقىنى ئىككى يىلدىن كېيىن ناھايىتى تەستە بىلەلىدۇق.

مازوك

  • مازوك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مىكروسكوپ بىلەن تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئورگانىزمدىن ئېلىنغان سۇيۇق ماددا.

مازۇت

  • مازۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەپ بېنزىن، كىرسىن قاتارلىقلار ئايرىۋېلىنغاندىن كېيىن قالغان قىسمى.

مازۇركا

  • مازۇركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>پولەكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] پولشانىڭ مىللىي ئۇسسۇلى. ئەسلىدە پولشانىڭ مازۇۋىيە رايونىدا مەيدانغا كەلگەن.ⅩⅥ ئەسىرگە ئائىت تارىخىي خاتىرىلىرى بار. دەسلەپتە سەككىز ياكى 16 جۈپ دېھقان قىز-يىگىتى بىللە ئوينايدىغان ئۇسسۇل بولۇپ، ⅩⅨ ئەسىردىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تانسىخانىلىرىغا كىرىپ، قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولغان.

مازۇز

  • مازۇز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پەخىرلىك، ماختىنارلىق.

ماس

  • ماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان، مۇۋاپىق، لايىق، ئۇيغۇن:[مىسال:] چېكە چاچلىرى ئارىلاپ ئاقىرىشقا باشلىغان بۇ خۇش چىراي كىشى، ئېگىز بويىغا ماس ھالدىكى بېجىرىم گەۋدىسى بىلەن شىرەگە يېرىم يۆلەنگەن ھالدا ماتېرىيال كۆرۈۋاتاتتى.

ماساغىت

  • ماساغىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرلەردە ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئاساسەن كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىدىن سىر دەرياسىغىچە بولغان رايونلاردا ياشىغان، قۇياشقا ئېتىقاد قىلغان. مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ تىلى ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىنىڭ ئىران تىللىرى تۈركۈمىگە كىرىدۇ.

ماسسا

  • ماسسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ تەركىبىدىكى ماددا مىقدارى، يەنى جىسىم ئىنېرتسىيىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى.

ماسشتاب (ماسشتابى)

  • ماسشتاب (ماسشتابى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① چېرتيوژ ئۈستىدىكى ئۇزۇنلۇق بىلەن ئۇ ئىپادىلىگەن ئەمەلىي ئۇزۇنلۇقنىڭ نىسبىتى.[يەشمىسى:] ② چېرتيوژ سىزغاندا ئۇنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان نىسبەتنى بىلدۈرىدىغان سانلىق رەقەم ۋە سىزىقلار.

ماسشتابلىق

  • ماسشتابلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماسشتابى ئورنىتىلغان، مەلۇم نىسبەتتىكى ماسشتاب بىلەن تۈزۈلگەن:[مىسال:] ماسشتابلىق سىزغۇچ. ماسشتابلىق خەرىتە.

ماسكا

  • ماسكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] يۇقۇملىنىش ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېغىز ۋە بۇرۇننى نىقابلىۋالىدىغان، داكىدىن تىكىلىدىغان ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمى.

ماسكىلىق

  • ماسكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ماسكىسى بار، ماسكا تارتىۋالغان:[مىسال:] ماسكىلىق سېسترا.[يەشمىسى:] ② ماسكا تىكىشكە باب، لايىق:[مىسال:] ماسكىلىق رەخت.

ماسلاشتۇرماق

  • ماسلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ماسلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ماختاش ئوقۇتقۇچى دائىم قوللىنىدىغان تەربىيە ئۇسۇلى. ئادەتتە باشقا ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، بۇ ئۇسۇلنى ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىش لازىم.

ماسلاشتۇرۇشماق

  • ماسلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ماسلاشماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ماسلاشتۇرۇلماق

  • ماسلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ماسلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەرەب يېزىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقاندىن كېيىن، بىرنەچچە ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلدى.

ماسلاشماق

  • ماسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماس ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] شارائىتقا ماسلاشماق. * ئېرىنىڭ خۇيىنى بەش قولدەك بىلىدىغان تىللاخان ھەرقاچان ئۇنىڭغا ماسلىشاتتى.

ماسلىشىشچان

  • ماسلىشىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسانلا ماسلىشىپ كېتىدىغان، ماس ھالەتنى ساقلايدىغان:[مىسال:] ماسلىشىشچان ھالەت.

ماسلىشىشچانلىق

  • ماسلىشىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسانلا ماسلىشىپ كېتىدىغان، ماس ھالەتنى ساقلايدىغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ۋاھالەنكى ئاياللار بولغانلىقتىن بۇ دۇنيا مۇشۇنداق ئىللىقلىققا ۋە ماسلىشىشچانلىققا چۆمگەن.

ماش

  • ماش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈچ تال كىچىك يوپۇرماقتىن تەشكىل تاپىدۇ، گۈلى كىچىك، ئالتۇن رەڭ ياكى يېشىل-سېرىق رەڭدە بولىدۇ. چوكا مېۋىسىنىڭ ئىچىدە يېشىل رەڭلىك ئۇرۇقلىرى بولىدۇ. ئۇرۇقىنى يېيىشكە ھەم ئۇنىڭدىن ھاراق ئىشلەشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.

ماشا

  • ماشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] زەرگەرچىلىكتە ئالتۇننى ئوتقا سېلىش ۋە ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان قىسقۇچ، جۈپتەك.

ماشائاللا

  • ماشائاللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەسلىي «ئاللانىڭ خالىغىنى بولۇر» دېگەن مەنىدىكى ئىبارە بولۇپ، «نېمىدېگەن ئاجايىپ ئىش يائاللا توۋا خۇدايىم» دېگەن مەنىلەردە مەدھىيە ۋە تەئەججۈپنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ماشائاللا، ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتۇمىز.

ماشاق

  • ماشاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداينى ئورۇپ-يىغقاندا يەرگە تۆكۈلۈپ قالغان باشاقلار ۋە ئۇنى يىغىش:[مىسال:] قوشتا يوق، ماشاقتا يوق، خاماندا بار (ماقال).

ماشايىخ

  • ماشايىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەشھۇر دىنىي ئالىم؛ پىر، ئۇستاز، مەدەتكار:[مىسال:] بېشىڭنى كىم سىلىسا، ماشايىخىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا، چىرايلىقىڭ شۇ (ماقال).

ماشپىرا

  • ماشپىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرۈمچاقتا غاغىرادىن چۈشكەن مەشۈت يىپلارنى يۆگەيدىغان بىر باشلىق نوكەش ياغاچ.

ماشخوردا

  • ماشخوردا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ماش+خوردا[[يەشمىسى:] شۇۋىگۈرۈچكە ئازراق سەي، ماش ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلىدىغان تاماق.

ماشقاق

  • ماشقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاقالچاق.

ماشكا

  • ماشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئوۋ ۋە ئىز قوغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، يۇڭى ئۇزۇن ئىت.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پايلاقچى:[مىسال:] ئوفىتسېر ئەنە شۇ «ساقچى» نىڭ ماشكىلىرىدىن بىرى ئىدى.

ماشلىق

  • ماشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماش تېرىلغان جاي، ماش كۆپ ئۆستۈرۈلگەن يەر:[مىسال:] كەنت ماشلار چېچەكلەش بىلەنلا ماشلىققا قاراشقا ئادەم بەلگىلىدى.

ماشىنا

  • ماشىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① دېتاللاردىن تەركىب تاپىدىغان، ئايلىنىدىغان ۋە بىر تۈردىكى ئېنېرگىيىنى باشقا بىر تۈردىكى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدىغان ياكى پايدىلىق قۇۋۋەت ھاسىل قىلالايدىغان قۇرۇلما:[مىسال:] پار ماشىنىسى. ئانا ماشىنا.[يەشمىسى:] ② تىكىش ماشىنىسى:[مىسال:] قول ماشىنىسى. پۇت ماشىنىسى.[يەشمىسى:] ③ ئاپتوموبىل:[مىسال:] ماشىنا شوپۇرى. ماشىنا بېكىتى. ماشىنا ھەيدىمەك.

ماشىنا ئادەم

  • ماشىنا ئادەم[يەشمىسى:] بىر خىل ئاپتوماتىك ماشىنا. ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ ۋە ئادەم ئورنىدا بەزى ئىشلارنى قىلالايدۇ.

ماشىنكا

  • ماشىنكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھەربىرىگە ھەرپلەر بەلگىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۇنۇپكىلارنى بارماق بىلەن بېسىپ خەت چۈشۈرىدىغان قۇرۇلما.

ماشىنىچى

  • ماشىنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا كىيىم-كېچەك تىكىدىغان ئۇستا:[مىسال:] ئەمدى ئىككىنچى نۆۋەت كىيىم تىكىدىغان ماشىنىچىغا كەپتۇ.

ماشىنىچىلىق

  • ماشىنىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم تىكىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئەزىزىخان يالغۇز قالدى. ئانىسىنى ماشىنىچىلىق قىلىپ ئاز كۈن باقتى، ئانىسىمۇ دۇنيادىن ئۆتتى.

ماشىنىسازلىق

  • ماشىنىسازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل ماشىنىلار ۋە ماشىنا ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىنى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىرىش:[مىسال:] ماشىنىسازلىق سېخىنىڭ مۇدىرى روزىئاخۇن توپ ئىچىگە يېرىپ كىردى.

ماشىنىست

  • ماشىنىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① پويىز ھەيدىگۈچى ياكى كران قاتارلىق ماشىنىنى باشقۇرغۇچى كىشى:[مىسال:] تېخنىكا سۈرئىتى مۇشۇنداق تېز ۋە سەمىمىي بولىدىغانلا بولسا، مەنمۇ ماشىنىنىڭ ياردەمچىلىكىگە، كېيىن پويىز ھەيدەيدىغان ماشىنىست بولۇشقا زادى گۇمان قىلمايمەن.[يەشمىسى:] ② ماشىنكىدا خەت باسقۇچى:[مىسال:] شۇ چاغدا ئۇ ئىدارىدا ماشىنىست ئىدى.

ماشىنىستلىق

  • ماشىنىستلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پويىز ھەيدەش ياكى ماشىنكىدا خەت ئۇرۇش كەسپى:[مىسال:] ماشىنىستلىق قىلماق.

ماشىنىلاشتۇرماق

  • ماشىنىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ماشىنىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار نېمە ئۈچۈن ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئاساسلىقى ئۆز يېزىسىنىڭ تەبىئىي بايلىق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىشنى بىلگەن.

ماشىنىلاشتۇرۇشماق

  • ماشىنىلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ماشىنىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ماشىنىلاشتۇرۇلماق

  • ماشىنىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ماشىنىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ماشىنىلاشماق

  • ماشىنىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماشىنا بىلەن تەمىن ئېتىلمەك، ماشىنا كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغان بولماق:[مىسال:] ماشىنىلاشقان بولساق دۈمچىيىپ قول بىلەن تاش تىزىشتىنمۇ، گۈرجەك بىلەن ئۆستەڭ كولاشتىنمۇ قۇتۇلاتتۇق.

ماشىنىلىق

  • ماشىنىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماشىنىسى بار، ماشىنىغا ئىگە بولغان:[مىسال:] بىزمۇ ماشىنىلىق بولۇپ قالدۇق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ماشىنا بىلەن:[مىسال:] بىز ماشىنىلىق كەلدۇق.

ماغدۇر

  • ماغدۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋەت، ماجال، مادار:[مىسال:] ئالاھىدىندا ماغدۇر دېگەن نەرسە قالماي يىقىلاي دەپلا قاپتۇ.

ماغدۇرسىز

  • ماغدۇرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماغدۇرى يوق، ماغدۇرىدىن قالغان، مادارسىز، ھالسىز:[مىسال:] تۇراخۇن ماغدۇرسىز قوللىرى بىلەن ئازادنىڭ قولىنى تۇتتى.

ماغدۇرسىزلاندۇرماق

  • ماغدۇرسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ماغدۇرسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەينىدىنلا پاختىدەك يۇمشاق بىر بىلەك مۈرىسىنى سىپاپ ئۆتۈپ، ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالدى.

ماغدۇرسىزلاندۇرۇلماق

  • ماغدۇرسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ماغدۇرسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ماغدۇرسىزلانماق

  • ماغدۇرسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋىتى، ماغدۇرى ئازايماق؛ ئاجىزلاشماق، ماغدۇرسىزلاشماق:[مىسال:] گۈزەل يەنە يۆتىلىپ قان تۈكۈردى، قوللىرى ماغدۇرسىزلاندى.

ماغدۇرسىزلىق

  • ماغدۇرسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماغدۇرسىزلانغان، كۈچ-مادارىدىن كەتكەن ھالەت:[مىسال:] ئۆزۈم سەمىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالغان بولساممۇ، ماغدۇرسىزلىقتىن ئىتتىكرەك ماڭالمايدىغان بولۇپ قاپتۇمەن.

ماغدۇرلاندۇرماق

  • ماغدۇرلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ماغدۇرلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ماغدۇرلاندۇرىدىغان دورىلار يۈرەك، مېڭە، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمەتلىرى ناچارلىشىپ قالغانلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ماغدۇرلانماق

  • ماغدۇرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋەت، ماغدۇر پەيدا قىلماق؛ ماغدۇرىغا كەلمەك:[مىسال:] تۇرغۇننىڭ سالامەتلىكى خېلى ياخشىلىنىپ، تالا-تۈزگە چىققۇدەك ماغدۇرلاندى.

ماغدۇرلۇق

  • ماغدۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماغدۇرى بار، ماغدۇرىغا كەلگەن؛ كۈچلۈك:[مىسال:] يېڭى ۋە ماغدۇرلۇق كۈچلەر دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنىدى.

ماغزاپ

  • ماغزاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىر يۇغاندا سوپۇندىن چىقىدىغان كۆپۈك.

ماقالⅠ(ماقالى)

  • ماقالⅠ(ماقالى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ھايات تەجرىبىلىرى ئاساسىدا خەلق تەرىپىدىن يارىتىلىپ كەڭ تارقالغان، قۇرۇلمىسى ئىخچام، ئوبرازلىق، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك تۇراقلىق جۈملىلەر ياكى سۆز بىرىكمىلىرى.

ماقالە

  • ماقالە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] گېزىت، ژۇرناللار ئۈچۈن يېزىلغان ياكى ئۇلاردا بېسىلغان، ھەجمى ئانچە چوڭ بولمىغان ئېلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئەسەر ياكى ئىجتىمائىي، سىياسىي مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان ئەسەر.

ماقال-تەمسىل

  • ماقال-تەمسىل[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ماقال ۋە تەمسىل يەنى خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش بىلىملىرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن قىممەتلىك ئوي-پىكىرلىرى ئىپادىلەنگەن تۇراقلىق جۈملە ياكى ئىبارە. ماقالدا ئوي-پىكىر مەنىلىك سۆز، جۈملىلەر ئارقىلىق بىۋاسىتە، ئۇدۇل ئىپادىلىنىدۇ. تەمسىلدە بولسا تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر، كىشىلەردىكى ياخشى يامان خۇسۇسىيەتلەر ھايۋانات، ئۇچارقانات ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە، قىلىقلىرىغا تەقلىد قىلىنىش، ئوخشىتىلىش ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ.

ماقالىلىق

  • ماقالىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىك ماقالىدىن تەركىب تاپقان، بەلگىلىك ماقالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] 20 ماقالىلىق بۇ مەجمۇئە تارقىتىلىش بىلەنلا جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى ئىنكاسىنى پەيدا قىلدى.

ماقامⅠ(ماقامى)

  • ماقامⅠ(ماقامى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئورۇن، مەرتىۋە:[مىسال:] سەدەنشا ئاخۇنۇم قەبرە بېشىدا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىپ، ئاخىرىدا:[مىسال:] «بۇ ئوغلىمىز شېھىتلەر ماقامىغا يەتتى.» دېدى.

ماقۇل

  • ماقۇل[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقىلغا مۇۋاپىق، قوبۇل قىلارلىق، لايىق، دۇرۇس:[مىسال:] ماقۇل تاپماق. ماقۇل كۆرمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەئە، خوپ، قوشۇلىمەن:[مىسال:] يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] مەيلى، بولىدۇ:[مىسال:] ھەرقايسىلىرى مۇنداق دېگەن يەردە مەن نېمە دەيتتىم، ماقۇل، مەن چىقاي.

ماقۇللاتماق

  • ماقۇللاتماق[يەشمىسى:] «ماقۇللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مانا بۇ ھەقىقىي ئەھۋال، دېدى ئابدۇكېرىم ئابباسوپ، جەڭچىلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا ماقۇللاتماستىن تۇرۇپ، ئۇلارغا ئاقسۇدىن كېتىشنى ئېيتىش ناھايىتى تەس.

ماقۇللاشماق

  • ماقۇللاشماق[يەشمىسى:] «ماقۇللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزىنى ئابدۇغېنى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى باش لىڭشىتىپ ماقۇللاشتى.

ماقۇللانماق

  • ماقۇللانماق[يەشمىسى:] «ماقۇللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تەلىپىمىز رەھبەرلىك تەرىپىدىن تېزلا ماقۇللاندى.

ماقۇللۇق

  • ماقۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماقۇل بولۇپ قوشۇلۇش، قوشۇلغانلىق، ئۇنىغانلىق؛ رازىلىق:[مىسال:] ھېچ بولمىسا، سىلەر بۇ ھەقتە تەشكىلگە دوكلات يوللاپ رەھبەرلىكنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشىڭلار كېرەك-تە

ماقۇللىماق

  • ماقۇللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماقۇل بولۇپ قوشۇلماق، قوبۇل تاپماق، توغرا تاپماق:[مىسال:] نىجاتمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ماقۇللاپ تەبەسسۇم بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.  كۆپچىلىك بۇ قارارنى ماقۇللىدى.

ماك

  • ماك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تېگىشىپ تۇرغان لەۋلەرنى يوغان ئېچىشتىن ھاسىل بولغان ئاۋاز ۋە شۇنداق ئېچىش ھالىتى:[مىسال:] ئۇسسىغان بالا ئاغزىنى «ماك» ئاچاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پىشىپ يېتىلگەن ياڭاق مېۋىسىنىڭ سىرتقى مېۋە پوستىنىڭ يېرىلىش ھالىتى:[مىسال:] ماك بولماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياڭاق مېۋىسىنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان پوستى:[مىسال:] پىشىپ يېتىلىپ قالغان قەغەز ياڭاقمۇ قويۇق شاخلار ئارىسىدىن ماك يېرىپ چىققانىدى.

ماكاش

  • ماكاش[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] لەۋلەرنى يوغان ئېچىپ نەرسىلەرنى چايناشتىن ھاسىل بولغان ئاۋاز ۋە شۇنداق چايناش ھالىتى.

ماكاشلاشماق

  • ماكاشلاشماق[يەشمىسى:] «ماكاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ماكاشلىماق

  • ماكاشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى «ماك-ماك» قىلغان ئاۋازنى چىقىرىپ چاينىماق.

ماكاش-ماكاش

  • ماكاش-ماكاش[يەشمىسى:] «ماكاش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ماكاكا

  • ماكاكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] مايمۇننىڭ بىر خىلى. تېنىنىڭ يۇقىرىسى كۈل رەڭ، قوڭۇر، بىلىنىڭ ئاستى توق سېرىق، پارقىراق، يۈزى سۇس قىزىل، ئىككى قۇۋزىدا خالتىسى بار، ساغرىسىنىڭ تېرىسى ئالاھىدە قېلىن، تۈك ئۆسمىگەن، قۇيرۇقى قىسقا، ياۋا كۆكتات، ياۋا مېۋىلەرنى يەيدۇ. بەزىدە ئاشلىق زىرائەتلەرنىمۇ يەيدۇ.

ماكان (ماكانى)

  • ماكان (ماكانى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تۇرار جاي، ئورۇنلاشقان يەر، يۇرت، ۋەتەن:[مىسال:] كېچە-كۈندۈز ئىشلەپمۇ، باقالمىدىم بۇ جاننى. ئاخىر دەردكە چىدىماي، تاشلاپ كەتتىم ماكاننى.[يەشمىسى:] ② ئۆي، ئۇۋا:[مىسال:] پادىچى يىگىت بىلەن قىز كېيىن بىر مەزگىل ئاشۇ گۈمبەزنى ماكان قىلغان.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئوبيېكتىپ شەكلى. كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، ئېگىزلىك ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. «بوشلۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسە توپلانغان ياكى كۆپ بولغان جاي:[مىسال:] بەشكېرەم ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق مېۋىلەرنىڭ ماكانى ۋە كانىدۇر.

ماكانداش

  • ماكانداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئورۇندا، بىر جايدا بىرگە تۇرغۇچى، بىرگە ياشىغۇچى:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ماكانداش بولۇپ قالدى.

ماكانسىز

  • ماكانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرار جايى، ماكانى يوق، ۋەتەنسىز:[مىسال:] ئاتاسىز قىلدىڭىز بىزنى، ئاناسىز قىلدىڭىز بىزنى. ئاخىرى جۇدالىقتا ماكانسىز قىلدىڭىز بىزنى.

ماكانسىزلىق

  • ماكانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرار جايى، ماكانى يوقلۇق، ۋەتەنسىزلىك:[مىسال:] ماكانسىزلىق ئۇنىڭ جېنىغا تەگدى.

ماكانلاشتۇرماق

  • ماكانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ماكانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاراڭ، سىز كەلگەندىن بېرى كادىرلار ۋە ئەزالار بەكمۇ خۇش. ئۇلار سىزنى ماكانلاشتۇرۇۋالىمىز دەۋاتىدۇ.

ماكانلاشماق

  • ماكانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماكان، ئورۇن، جاي تۇتۇپ ياشىماق؛ ئورۇنلاشماق:[مىسال:] ئۇ شۇندىن بۇيان شۇ يەردە ماكانلىشىپ قېلىپ بۇ تەرەپكە ئۆتەلمىگەنىدى.

ماكانلىق

  • ماكانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرار جايى، ماكانى بار؛ ماكانلاشقان:[مىسال:] شۇنداقلا بولسا، ھەممە «ماكانسىز» لارنى ماكانلىق قىلغىلى بولىدۇ.

ماكچايتماق

  • ماكچايتماق[يەشمىسى:] «ماكچايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىمۇ ياخشى سەن ئىكەنسەن، خوپ، باشقا بىرى بولغىنىدا مەسىلەن، جاجىسى كاللا بىلەن پەشۋا ئىدى تۇمشۇقىنى ماكچايتىۋېتەتتىم.

ماكچايتىشماق

  • ماكچايتىشماق[يەشمىسى:] «ماكچايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] پەردىنىڭ ئۇ تەرىپىدە قارىشىۋاتقان قىزلار ئېغىزلىرىنى ماكچايتىشىپ، بۇلارنى زاڭلىق قىلىشتى.

ماكچايتىلماق

  • ماكچايتىلماق[يەشمىسى:] «ماكچايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ماكچايماق

  • ماكچايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سىرتقى بېسىم ياكى زەربىدىن نەرسىلەرنىڭ سىرتقى شەكلى ئىچىگە پۈكۈلۈپ بۇزۇلماق، قىڭغىر-سىڭغىر، مايماق ھالغا كەلمەك:[مىسال:] بوۋاي ماكچىيىپ كەتكەن بىر كارىۋاتتا يېتىپتۇ.

ماكرو

  • ماكرو[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرىك[[يەشمىسى:] ① چوڭ؛ ئۇزۇن؛ چوڭ جەھەتتىكى:[مىسال:] ماكرو دۇنيا. ماكرو ئىگىلىك.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مولېكۇلا، ئاتوم، ئېلېكترون قاتارلىق ئىچكى قۇرۇلمىغا چېتىشمايدىغان ياكى ماشىنىدا ياسالغان («مىكرو»نىڭ ئەكسى).

ماكسىمال

  • ماكسىمال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى، مۇكەممەل، تولۇق:[مىسال:] ماكسىمال تېرمومېتىر.

ماكسىمۇم

  • ماكسىمۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئەڭ كۆپ، ئەڭ چوڭ مىقدار:[مىسال:] تىزلىك ماكسىمۇمى.

ماك-ماك

  • ماك-ماك[يەشمىسى:] «ماك»[يەشمىسى:] سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] سۇلايمان جالاقلاپ تىترەيتتى، ئۇنىڭ قانسىز، ساپسېرىق كالپۇكلىرى «ماك-ماك» ئېچىلىپ يېپىلاتتى، لېكىن زادىلا زۇۋان چىقىرالمايتتى.

ماكىلداتماق

  • ماكىلداتماق[يەشمىسى:] «ماكىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بوينى ئۇزۇن تۆگىمۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۆچكىنىڭ گېپىنى تەستىقلىغاندەك ئاغزىنى ماكىلدىتىپتۇ.

ماكىلداشماق

  • ماكىلداشماق[يەشمىسى:] «ماكىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ماكىلدىماق

  • ماكىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ماك-ماك» قىلىپ ئېچىلىپ، يېپىلماق:[مىسال:] ئۇ چاڭقاپ ئۇسسۇغانلىقتىنمۇ قانداق ئاغزى ماكىلداپ ئېچىلاتتى.

ماگازا

  • ماگازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتىكى خەنزۇلارنىڭ ئەرەنچە قىسقا تاش كىيىمى.

ماگما

  • ماگما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قىسمى ياكى ئۈستۈنكى ئارا قاتلامدىكى ماددىلاردىن ئېرىپ پەيدا بولغان قىزىق ئېرىتمە.

ماگماتىزم

  • ماگماتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى ماگمىنىڭ بېسىمى تۆۋەنلىگەن يۆنىلىشكە سىلجىپ، يېرىلغان بەلۋاغنى بويلاپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، يەر پوستىغا بۆسۈپ كىرىشى ۋە يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىشى ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئايرىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيىلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن خىمىيىۋى تەركىبىنى ۋە فىزىكىلىق، خىمىيىلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى سوۋۇپ قېتىشىپ جىنسقا ئايلىنىش جەريانى.

ماگنولىيە

  • ماگنولىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ماگنولىيە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تەتۈر تۇخۇم ياكى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى چوڭ، سىرتقى يۈزى قوڭۇر، ئىچى ئاق كېلىدۇ. مېۋىسى سوقىچاق بولىدۇ. غۇنچىسى دورا قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

ماگنېزىت

  • ماگنېزىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. تەركىبىدىكى ماگنىي ئوكسىد بولۇپ، يەنە تۆمۈر، مانگان، كالتسىي قاتارلىقلارمۇ بولىدۇ، ئۈچ ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كرىستالى ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ. قۇراشمىسى كۆپىنچە دانىچىسىمان ياكى ساپالسىمان سىپتا كاللەك ھالىتىدە كېلىدۇ. رەڭگى ئاق، كۈل رەڭ ياكى سېرىق، قاتتىقلىقى 4— 5.4، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 9.2 — 1.3.

ماگنىت

  • ماگنىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① جىسىملارنىڭ تۆمۈر، نىكېل قاتارلىق مېتاللارنى ئۆزىگە تارتىش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] ماگنىت ئېنېرگىيىسى. ماگنىت كۈچ سىزىقلىرى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە رۇدا، تۆمۈر، توك ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈزگۈچ، يەر شارى، قۇياش ۋە باشقا ئاسمان جىسمى قاتارلىقلار.

ماگنىت قۇتۇپى

  • ماگنىت قۇتۇپى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماگنىتنىڭ ئىككى بېشى. ئۇ ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت ئەڭ كۈچلۈك قىسىم بولۇپ، ماگنىت يىڭنىسى شىمالنى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمالىي قۇتۇپ؛ جەنۇبنى كۆرسەتكەن تەرەپ جەنۇبىي قۇتۇپ دېيىلىدۇ.

ماگنىت مەيدانى

  • ماگنىت مەيدانى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددىي نەرسىلەر ئارا ماگنىت كۈچ تەسىرىنى سۇنۇپ بېرىدىغان مەيدان. ماگنىت ۋە توك ئۆتكەن ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ماگنىت مەيدانى مەۋجۇت بولىدۇ. كومپاسنىڭ جەنۇبنى كۆرسىتىشى دەل يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ رولىدۇر.

ماگنىترون

  • ماگنىترون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۇلترا يۇقىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىش ھاسىل قىلىدىغان، ئۆزئارا تىك بولغان تۇراقلىق توك ئېلېكتر مەيدانىدا ۋە تۇراقلىق ماگنىت مەيدانىدا ئىشلەيدىغان بىر خىل مىكرو دولقۇنلۇق ئېلېكترون لامپا.

ماگنىتسىزلىنىش

  • ماگنىتسىزلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماگنىتلىق ماتېرىياللارنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىش جەريانى.

ماگنىتلاندۇرماق

  • ماگنىتلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ماگنىتلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماگنىتلانماق

  • ماگنىتلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولماق، ماگنىتلاشماق.

ماگنىتلىق

  • ماگنىتلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماگنىتتا بولىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە:[مىسال:] ماگنىتلىق قېتىشما. ماگنىتلىق لېنتا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ماگنىت ئارقىلىق:[مىسال:] ماگنىتلىق چارلاش. ماگنىتلىق قۇدۇق ئۆلچەش.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماگنىتتا بولىدىغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ماگنىتلىقى كۈچلۈك جىسىم.

ماگنىتلىنىشچان

  • ماگنىتلىنىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسانلا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتنى ھاسىل قىلىدىغان.

ماگنىتلىنىشچانلىق

  • ماگنىتلىنىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماگنىت مۇھىتىنىڭ خاسلىقىنى خاراكتېرلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدار. بەلگىسى Xm.

ماگنىتوسترىكسىيە

  • ماگنىتوسترىكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سىرتقى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە، بەزى فېرروماگنىتلىق ماددىلاردا پەيدا بولىدىغان، ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچىنىشلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ماگنىت مەيدانىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان ئېلاستىك كۈچىنىش.

ماگنىتومېتىر

  • ماگنىتومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] سانائەت ۋە پەن-تېخنىكىدا ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچىنىشىنى ئۆلچەيدىغان يەرنىڭ ماگىنىت مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە ئۆلچەيدىغان، ماگنىتلىق چارلاشتا ماگنىت نورمالسىزلىقىنى ئۆلچەيدىغان ۋە ماددىنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئەسۋابلارنىڭ ئومۇمىي نامى.

ماگنىتىزم

  • ماگنىتىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] فىزىكىنىڭ ماگنىت ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

ماگنىي

  • ماگنىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (magnesium)MG. كۈمۈش رەڭلىك، يېنىك، ھاۋادا قىزدۇرغاندا يېنىپ كۈچلۈك يالقۇن چىقىرىدۇ، ماگنىي پاراشوكى رەسىم تارتىشتا ئىشلىتىلىدىغان يورۇتقۇچى چىراغ ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. ماگنىي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى ئايروپىلان ياساشنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

ماگنىيلانماق

  • ماگنىيلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەركىبىگە ماگنىي قوشۇلماق، ماگنىيلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولماق.

ماگنىيلىق

  • ماگنىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ماگنىي بولغان، ماگنىيلانغان:[مىسال:] ماگنىيلىق پىروكسېن.

ماگىزىن

  • ماگىزىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە تۈرلۈك تاۋارلار تىزىلغان ۋە شۇ تاۋارلار سېتىلىدىغان سودا دۇكىنى:[مىسال:] ماگىزىن ئازادە ئىككى ئېغىزلىق بولۇپ، بىرىدە يەرلىك ماللار، يەنە بىرىدە سانائەت مەھسۇلاتلىرى سېتىلاتتى.

ماگىزىنچى

  • ماگىزىنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ماگىزىن ئىگىسى.[يەشمىسى:] ② ماگىزىندا مال ساتقۇچى:[مىسال:] بىركۈنى دادۈينىڭ ماگىزىنچىسى ھېكمەت ئەكبەرنى يوقلاپ كەلدى.

ماگىزىنچىلىق

  • ماگىزىنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماگىزىندا مال سېتىش ئىشى:[مىسال:] ماگىزىنچىلىق قىلماق.

ماگىستىر

  • ماگىستىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ① ئىلمىي ئۇنۋان. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر تەتقىقات ئورۇنلىرىدا بىر-ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئوقۇپ لاياقەتلىك بولالىسا، بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشەلەيدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئادەم.

ماگىستىرال

  • ماگىستىرال[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانال، يول ۋە شۇ قاتارلىقلاردا باش ئورۇن تۇتقان؛ ئاساسىي، باش:[مىسال:] ماگىستىرال سىزىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتناش يولى ۋە ئومۇمەن تارماقلانغان سىستېمىلارنىڭ ئاساسىي قىسمى:[مىسال:] تۆمۈريول ماگىستىرالى. سۇ ماگىستىرالى.

ماگىستىراللىق

  • ماگىستىراللىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماگىستىرالى بار، ماگىستىرالغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ماگىستىرال سىزىق ئارقىلىق:[مىسال:] ماگىستىراللىق ئۆلچەش.

ماگىستىرلىق

  • ماگىستىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماگىستىر ئۇنۋانى:[مىسال:] ماگىستىرلىققا ئېرىشمەك.

ماڭدا

  • ماڭدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاپسا، پەگا؛ ئوچاق ئالدى.

ماڭداتماق

  • ماڭداتماق[يەشمىسى:] «ماڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماڭدار

  • ماڭدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى ياغاچلاشقان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى مۇرەككەپ ياكى ئاددىي يوپۇرماق بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇم ياكى تۇخۇمسىمان تۆمۈنە شەكىلدە. گۈلى چوڭ، كۆكۈچ سۆسۈن ياكى ئاق رەڭلىك، يالغۇز ئۆسىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدۇ. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ.

ماڭداشماق

  • ماڭداشماق[يەشمىسى:] «ماڭدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ماڭدام

  • ماڭدام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېڭىش جەريانىدا تاشلانغان ھەربىر قەدەم، چامدام:[مىسال:] پارتىيە چىقىپ كەلدى، بەختىمىزنى يورۇتۇپ، زالىملارنىڭ زۇلمىنى، ماڭدىمىدا غۇلىتىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ ماڭدام بىلەن ئۆلچەشكە بولىدىغان ئۇزۇنلۇقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ قەدىمىنى تېزلىتىپ 100 ماڭدام ماڭار-ماڭمايلا يامغۇر شارقىراپ قۇيۇۋەتتى.

ماڭداممۇماڭدام

  • ماڭداممۇماڭدام[يەشمىسى:] «قەدەممۇقەدەم»گە قاراڭ.

ماڭدۇرماق

  • ماڭدۇرماق[يەشمىسى:] ① «ماڭماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ماتورنى ماڭدۇرماق. تراكتورنى ماڭدۇرماق. جۇۋازنى ماڭدۇرماق. بالىنى يېتىلەپ ماڭدۇرماق.[يەشمىسى:] ② ئەۋەتمەك، يوللىماق:[مىسال:] سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ باتاليون شتابىغا بېرىش بىلەنلا، قورغان تەرەپتىكى يولنى مەخسۇس كۆزىتىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى نەپەر رازۋېدكىچىنى ماڭدۇردى.

ماڭدىماق

  • ماڭدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قەدەم تاشلىماق، قەدەم ئالماق، چامدىماق، ماڭماق:[مىسال:] ماڭداپمۇ يېتەلمىدىم، چامداپمۇ يېتەلمىدىم. ئوتىڭىز يامان ئىكەن، تاشلاپمۇ كېتەلمىدىم.

ماڭغال

  • ماڭغال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوغدان.

ماڭغىلىماق

  • ماڭغىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاستا ماڭماق.

ماڭقا

  • ماڭقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بۇرۇندىن چىققان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق؛ پوتلا:[مىسال:] ئېقىۋاتقان تەر ۋە ماڭقىلىرىنى ئېڭىشىپ تۇرۇپ تىزىغا سۈرتۈشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى.[يەشمىسى:] ② بۇرنىدىن مۇشۇنداق سۇيۇقلۇق چىقىپ تۇرىدىغان كىشى (كەمسىتىپ ئېيتىلىدۇ):[مىسال:] كلاپاننىڭ ئىككىسى چۈشۈپ كېتىپتۇ، بۇ ماڭقا بايقىماي ھەيدەۋېرىپتۇ، دېدى ئۇ تراكتورنى تەكشۈرۈپ غەزەبلىنىپ.

ماڭقىسى چوۋۇلماق

  • ماڭقىسى چوۋۇلماق[يەشمىسى:] ① بۇرنىدىن توختىماي ماڭقا ئاقماق:[مىسال:] بالا بۈگۈن ئەتىگەن ماڭقىسى چۇۋۇلۇپ قوپۇپتۇ. بەزىدە يەنە چۈشكۈرۈپ قويىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق قىينالماق، ئەپلەشتۈرەلمەي تازا ئاۋارە بولماق:[مىسال:] شۇنداق قاسىمئاخۇن، سىلى ئەپەندىچىلىكنى ئۇڭاي دەيسىلە، مېنىڭ شۇ چاغدا بىر سائەتمۇ تۈزۈكرەك ئەپەندى بولالماي ماڭقام چۇۋۇلۇپ كەتتى، دېدى ئىسمائىل ئاكا.

ماڭقال

  • ماڭقال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆت بۇرجەك، ئالتە يۈزلۈك قىلىپ ھەربىر يۈزىگە ھەر خىل چوڭلۇقتىكى يېرىم شار شەكىللىك ئويۇقچىلار چىقىرىلغان مېتال سايمان. ئۇ زەرگەرچىلىكتە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، قاتارلىقلارنى يۇمىلاق شار شەكلىگە كەلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.

ماڭقان

  • ماڭقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇم ئاق قوي.

ماڭلاي

  • ماڭلاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۈزنىڭ قاشتىن چاچقىچە بولغان قىسمى؛ پېشانە:[مىسال:] بالىنى تونىغان بوۋاي ماڭلىيىدىن سۆيدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى ئالدىغا چىقىپ تۇرغان، دەرھال كۆزگە چېلىقىدىغان، ماڭلايغا ئوخشاش قىسمى:[مىسال:] دەرۋازا ماڭلىيىغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە «مەزكۇر مېھمانخانىمىز تاماقنىمۇ ھۆددىگە ئالىدۇ» دەپ يېزىلغان.

ماڭلاي تەرى

  • ماڭلاي تەرى[يەشمىسى:] ئۆز قولى بىلەن قىلغان ھالال ئەمگەك، ئەجىر:[مىسال:] شۇ باتۇر ئىشچىنىڭ ماڭلاي تەرىدىن، پويىزلار ئىز سالدى ئانا ئۆلكەمگە. شۇ ئىشچى قولىدا مىڭلاپ گۈدۈكلەر، شوق ياڭراپ جور بولدى خۇشال كۈلكەمگە.

ماڭلايلىق

  • ماڭلايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماڭلىيى بار، ماڭلىيى كەڭ:[مىسال:] ھۆرنىساخان ئاق يۈزلۈك، شالاڭ سۇس ئىنچىكە قاشلىق، بويى ئېگىزرەك، ياپىلاق ماڭلايلىق، قاپىقى دۆڭ، چىشلىرى ئالتۇندىن قاپلانغان، جاۋۇلداپ تۇرىدىغان سۆزمەن خوتۇن.

ماڭماق

  • ماڭماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قەدەم ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەك، يۈرمەك:[مىسال:] ئىلدام ماڭماق. يول ماڭماق. پىيادە ماڭماق.[يەشمىسى:] ② قەدەم ئېلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولماق، مېڭىشنى ئۆگەنمەك:[مىسال:] بۇ بالا بىر ياشقا كىرىپلا ماڭدى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم يۆنىلىشكە قاراپ قوزغالماق، ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] ئاپتوبۇس يولۇچىلارنى ئېلىپ خوتەنگە ماڭدى.[يەشمىسى:] ④ شاھمات، دامكا، قاتار قاتارلىقلاردا ئۆز نۆۋىتىدە ھەرىكەت قىلماق، يۈرمەك:[مىسال:] پادىشاھ شاھمات تاختىسىدا ئىككى ماڭمايلا ئۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆتمەك، كەسمەك:[مىسال:] پىچاق گۆشكە ماڭار، سۆڭەككە ماڭماس (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەرىكەتكە كەلمەك، ئىشلەپ ھەرىكەتلىنىپ تۇرماق:[مىسال:] زاۋۇت تۈنۈگۈن ماڭدى. * سائىتىم بىر كۈن بولدى ماڭمىدى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ھەل قىلىش كويىدا تېگىشلىك ئورۇنغا بارماق، قاترىماق:[مىسال:] شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يەنىلا مېڭىۋاتىمەن.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەمەل قىلماق. بويسۇنماق:[مىسال:] خوتۇن خەقنىڭ قاپىقىغا قاراپ، بۇيرۇقىغا ماڭغانلارنىڭ ھالى شۇنداق بولغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك[يەشمىسى:] ⑨ «-پ، -ىپ، -ۇپ، -ۈپ» شەكلىدىكى رەۋىشداشلار بىلەن كېلىپ ئىش ھەرىكەتنىڭ داۋاملاشقانلىق تۈسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن ھەركۈنى خاتىرە يېزىپ ماڭدىم.

مال

  • مال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كالا، قوي قاتارلىق بېقىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ھايۋان؛ چارۋا:[مىسال:] قارا مال. ئۇششاق مال. * مېلى بارنىڭ مېلىغا، مېلى يوقنىڭ جېنىغا (ماقال).[يەشمىسى:] ② قول ئىلكىدىكى بىسات، بايلىق:[مىسال:] پادىشاھ:[مىسال:] «بۇ ياخشى مەسلىھەت بولدى» دەپتۇ-دە، دەرھال ئەلچى ئەۋەتىپتۇ ۋە لەشكەرلەرگە نۇرغۇن پۇل ۋە مال تارقىتىپ بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇمى قاتارلىقلار:[مىسال:] قىز مېلى.[يەشمىسى:] ④ سېتىلىدىغان نەرسە، بۇيۇم، تاۋار:[مىسال:] مال باھاسى. مال ساتماق.

مالاخىت

  • مالاخىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. تەركىبىدىكى مىس يەككە ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كرىستالى يىڭنىسىمان، قۇراشمىسى كۆپىنچە رادىئوئاكتىپ ھالىتىدە ھەم ئەمچەكسىمان بولىدۇ. يېشىل رەڭلىك، ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە. قاتتىقلىقى 5.3 4؛ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 9.3 0.4.

مالال

  • مالال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىچ پۇشۇش، ئېغىر كۆرۈش، رەنجىش، قىسىلىش:[مىسال:] مالال يەتكۈزمەك.

مالاللىق

  • مالاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىگە مالال كېلىدىغان ئىش-ھەرىكەت، ھالەت، ئارتۇقچە تەشۋىش:[مىسال:] مالاللىق تارتماق، مالاللىق يەتمەك.

مالامەت

  • مالامەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ناھەق ئەيىبلەش، تاپا-تەنە:[مىسال:] مالامەت قىلماق. مالامەت يەتمەك.

مالامەتلىك

  • مالامەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاپا-تەنە، ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ تاپا-تەنىگە تولغان، تاپا-تەنىگە ئۇچرىغان:[مىسال:] پۇقرا بېشىغا كەلگەن مالامەتلىك كۈنلەر تېخى ئۆتۈپ كەتمىگەنىدى.

مالائىكە

  • مالائىكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەرىشتە.

مالاي

  • مالاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بايلارنىڭ ياكى باشقا بىراۋنىڭ مەخسۇس خىزمىتىدە بولغۇچى كىشى؛ خىزمەتكار، چاكار:[مىسال:] ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مەخسۇت بەگنىڭ مالايلىرى بولۇپ، ھەممىسى ئالماسنىڭ جان-جىگەر، سىنالغان دوستلىرى ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قارىغۇلارچە خىزمەت قىلغۇچى، غالچا:[مىسال:] ئۇ ئىلى گېنېرالى گۇاڭفۇنى ئۆلۈم بىلەن قورقۇتۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دۇدۇلىقىغا سايلانغان بولسىمۇ، ئۆلۈۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ سادىق مالىيى بولغان يۈەن داخۇانىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالمىدى.

مالايلارچە

  • مالايلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «قۇللارچە»گە قاراڭ.

مالايلىق

  • مالايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالاي قىلىدىغان ئىش ياكى مالايغا خاس قىلىق، ئادەت:[مىسال:] سەن بۇنى قويۇپ بېرىپ راست ئەركە قىلىۋالدىڭ، مالاي دېگەن مالايلىقىنى قىلمامدۇ دېدى سىيىت.

مالەم

  • مالەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، ئازاب-ئوقۇبەت ماكانى:[مىسال:] بىلىملىكنىڭ كۆزىدە ئالەم بار، بىلىمسىزنىڭ كۆزىدە مالەم.

مال-بىسات

  • مال-بىسات[يەشمىسى:] كىشىدە بولغان پۇل ۋە مۈلۈك قاتارلىق پۇلغا يارايدىغان ھەممە نەرسە:[مىسال:] خانقىز ئانا ئادىلنى مال-بىساتلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مېھمانخانا ئۆيىگە باشلاپ كىردى.

مالپەرەس

  • مالپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مالغا، دۇنياغا بېرىلگەن؛ مال-دۇنيانىڭ غېمىدە بولىدىغان:[مىسال:] ئۇ تولىمۇ مالپەرەس ئادەم بولۇپ، بىر موچەن ئۈچۈن مىڭ قەسەم قىلىشقا تەييار ئىدى.

مالپەرەسلىك

  • مالپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالغا، دۇنياغا بېرىلىش؛ مال-دۇنيانىڭ غېمىدە يۈرۈش ئىشى، ئادىتى:[مىسال:] تويمىغۇر دادىسى مالپەرەسلىك قىلماي، ئوكۇرداينىڭ ئەلچىسىنى قۇرۇق ياندۇرغان بولسا مۇنداق بولماس ئىدى.

مالتاق

  • مالتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچتىن ياسالغان چوڭ تۇڭ، سوغىنىڭ چوڭى:[مىسال:] قىش كۈنلىرى توقسۇن بازىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى توپ ئاتار غوجام ئۆستىڭىدىن مالتاقتا سۇ توشۇپ، بايلارغا سۇ يەتكۈزۈپ بېرىپ جان ساقلاپ يۈردۈم.

مالتوزا

  • مالتوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] قەنتنىڭ بىر خىلى. ئاق رەڭلىك يىڭنىسىمان كرىستال بولۇپ تەمى ساخاروزىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ئاددىي قەنتلەرگە پارچىلىنىدۇ. ئۇ ئورگانىزمدا كراخمالدىن ئامىلازا ئارقىلىق پارچىلىنىپ شەكىللىنىدۇ. سانائەتتە كۆپىنچە كراخمالدىن ئېلىنىدۇ. ئادەتتە قەنت-گېزەك ۋە دورا قاتارلىقلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

مالتىلاتماق

  • مالتىلاتماق[يەشمىسى:] «مالتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا ئاچقۇچنى ئۆزى ئىزدىدى، بالىلىرىنى ئۆينى ئىزدەشكە بۇيرۇدى، ئۆي ئىچىنى ئىزدىتىپ مالتىلاتمىغان يېرى قالمىدى.

مالتىلاشماق

  • مالتىلاشماق[يەشمىسى:] «مالتىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ گۇماندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يانچۇقلىرىنى مالتىلىشىپ، تەتۈر ئۆرۈشۈپ قېقىشىپ قويدى.

مالتىلانماق

  • مالتىلانماق[يەشمىسى:] «مالتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سايىم قارىسا ساندۇقنىڭ قۇلۇپلىرى چېقىلغانلىقى ۋە مالتىلانغانلىقى مەلۇم بولدى.

مالتىلىماق

  • مالتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاستىن-ئۈستۈن، ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ ئاختۇرماق:[مىسال:] ئۇ، ئارىنى قولىغا ئالدى ۋە پاراس-پۇرس قىلىپ ئۆنچىلەرنى مالتىلاشقا كىرىشتى.[يەشمىسى:] ② قوچۇپ ئىلەشتۈرمەك:[مىسال:] پاتەم بەزى چاغلاردا ئاشلارنى مالتىلاپ، نان بولسا ئۇشتۇتۇپ تەكشۈرۈپ ئاندىن نەزەربەند قىلغانلارغا بېرىشكە رۇخسەت قىلاتتى.

مالچى

  • مالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلارنى يايلاقلاردا يايلىتىپ باققۇچى، پادىچى:[مىسال:] تاغ چوققىسى ئىكەن قار، ئېتەكلىرى گۈل باھار. ياشايدىكەن مالچىلار، بۇ ماكاندا بەختىيار.

مالچىلىق

  • مالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مال بېقىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] مالچىلىق قىلماق.

مالدار

  • مالدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مال-چارۋىسى كۆپ، باي كىشى:[مىسال:] قۇستەنتىن شەھىرىدە ناھايىتى مالدار بىر خوجايىن بولۇپ پەررۇخ بەختى ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىكەن.

مال-دۇنيا

  • مال-دۇنيا[يەشمىسى:] پۇل-مال ۋە قىممەت باھالىق نەرسە-كېرەكلەر:[مىسال:] ئۇ ئۆمۈر بويى يېتىپ يېسىمۇ ئۆزىگە يېتىپ ئاشقۇدەك مال-دۇنياغا ئىگە ئىدى.

مالسىز

  • مالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مال يوق؛ قۇرۇق:[مىسال:] ئوت-چۆپلەرنىڭ ياشىرىشى بىلەن قوتانلار مالسىز، يايلاقلار ئاۋات بولاتتى.

مال-مۈلۈك

  • مال-مۈلۈك[يەشمىسى:] دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى شەخسلەر ئىگىلىكى تۈرلۈك ماددىي نەرسە ۋە بايلىق:[مىسال:] دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداش.

مال-مېكەت

  • مال-مېكەت [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مالۋاران.

مال-ۋاران

  • مال-ۋاران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېقىپ ئۆستۈرۈلىدىغان قوي، كالا، ئات قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى:[مىسال:] 8-ئاي پەسلى ئىلى يايلاقلىرىنىڭ جەننەت ۋاقتى بولۇپ، مال-ۋاران، ئوت-چۆپنىڭ راسا يېتىلگەن مەزگىلى ئىدى.

مالىخاي

  • مالىخاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاق كىگىز قالپاق:[مىسال:] ئەركىنلىك يولىدا شۇ سادىر، قىرلىغان چېغىدا مالىخاينى؛ يىقىتقان پورلارنى سېيىت نوچى، مۇشتۇمدا، يۇلغاندەك قارىغاينى.[يەشمىسى:] ② تۇماق:[مىسال:] ئىنتىقام ئالغىلى ئاتلاندى خەلق، بولدى جەڭ مەيدانى قەدىم تىيانشان، ئارمىيە سېپىگە قېتىلدىم مەنمۇ، مۈرەمدە پاگۇن بار، مالىخايدا نىشان.

مالىخۇليا

  • مالىخۇليا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[يەشمىسى:] تاسادىپىي ئەھۋاللار ۋە بىھۇدە خىياللار سەۋەبىدىن بولىدىغان خامۇشلۇق كېسىلى، سەۋدا.

مالىك

  • مالىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىگە:[مىسال:] شۇنچە ئىشلەپ، يىل بويى قوي بېقىپ بىر قوزىغا مالىك بولالمىغان ئىش تالاي قېتىم بولغان.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مالىماتاڭ

  • مالىماتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالايمىقان، رەتسىز؛ تەرتىپ بۇزۇلغان:[مىسال:] مالىماتاڭ قىلماق. مالىماتاڭ بولماق.

مالىماتاڭچىلىق

  • مالىماتاڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالىماتاڭ بولغان، قالايمىقان ھالەت:[مىسال:] ئەگەر مۇشۇ مالىماتاڭچىلىقلار بولمىغان بولسىدى، تىلىۋالدىنى بۇلتۇر كۈزدىلا ئۆيلەپ قويغان بولاتتى.

مالىماتاڭلاشتۇرماق

  • مالىماتاڭلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مالىماتاڭلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مالىماتاڭلاشماق

  • مالىماتاڭلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قالايمىقان، رەتسىز ھالەتكە كەلمەك؛ قالايمىقان بولماق:[مىسال:] بۈگۈنكى كۈندە بىر مۇنچە نەرسىلەر ئارىلىشىپ مالىماتاڭلىشىپ كەتتى.

مالىمان

  • مالىمان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەسلىي ھالىتى بۇزۇلغان، قالايمىقان، رەتسىز، مالىماتاڭ:[مىسال:] ئۆينىڭ ئىچىنى مالىمان قىلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇيۇقسىز بىرەر ئەھۋال تۈپەيلىدىن بولغان قالايمىقانچىلىق:[مىسال:] ئۇ ھېيتكادىكى مالىماندا ساغرىسى سۈت-قايماق بىلەن بۇلغانغان بىر ھەربىي ئەمەلدار ئىدى.

مالىمانچى

  • مالىمانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالىمان پەيدا قىلىپ يۈرگۈچى كىشى.

مالىمانچىلىق

  • مالىمانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالىمان قىلىنغان پاراكەندە ھالەت، پاراكەندىچىلىك:[مىسال:] بۇ ئەھۋاللار ئىلگىرىمۇ بار ئىدى، ئون يىللىق ئىچكى مالىمانچىلىق ئارقىسىدا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى.

مالىمانلاشتۇرماق

  • مالىمانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مالىمانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا قارىسا، بالىلار ئۆيدىكى نەرسىلەرنى خالىغانچە تاشلاپ مالىمانلاشتۇرۇۋېتىپتۇ.

مالىمانلاشماق

  • مالىمانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مالىمان، پاراكەندە ھالاكەتكە كەلمەك؛ قالايمىقانلاشماق:[مىسال:] شۇ تاپتا، ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىن پىكرىم پۈتۈنلەي مالىمانلىشىپ كەتكەنىدى.

مالىمانلىق

  • مالىمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مالىمانچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] جانابلىرىنىڭ مالىمانلىقنى تىنچلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىرى ئادالەتنى كۆزدە تۇتقانلىق بولسىمۇ، لېكىن قەدىمدىن بۇيان بۇ جاھان گاھىدا بۇزۇلۇپ، گاھىدا تۈزۈلۈپ مۇشۇنداق داۋالغۇپ كەلگەن.

مالىنا

  • مالىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان تىكەنلىك چاتقال.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل چاتقالنىڭ مېۋىسى.

مالىيە

  • مالىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دۆلەتنىڭ مال-مۈلۈك ۋە بايلىقلارنىڭ كىرىم-چىقىم قىلىنىشىغا بولغان باشقۇرۇش پائالىيىتى:[مىسال:] مالىيە مىنىستىرلىقى. مالىيە ئىدارىسى.[يەشمىسى:] ② ئىدارە-جەمئىيەت، ئورگان، كارخانا، تەشكىلات قاتارلىقلاردىكى مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش ياكى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، نەق پۇلنى كىرىم-چىقىم قىلىش، ساقلاش ۋە ھېسابلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار:[مىسال:] مالىيە بۆلۈمى. مالىيە خادىملىرى.

مالىيە-سودا

  • مالىيە-سودا[يەشمىسى:] مالىيە ۋە سودىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى:[مىسال:] ئابدۇل سابىق باشلىق ئەخمەتجاننىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مالىيە-سودا تېخنىكومىدا ئوقۇدى.

مامات (ماماتى)

  • مامات (ماماتى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلۈم:[مىسال:] ياھايات. يامامات.

ماماتلىق

  • ماماتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆلۈش ئىشى، ئۆلۈم:[مىسال:] نۇرنىساغا 2 كىلوگرام قان بېرىلدى. ماماتلىقتىن ھاياتلىققا قايتقان بوۋاققا باقى ئاكا «نىجات» دەپ ئىسىم قويدى.

مامكاپ

  • مامكاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غوللىرى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

مامونتⅠ

  • مامونتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تەن شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھازىرقى پىلغا ئوخشاپ كېتىدۇ. پۈتۈن تېنىدە ئۇزۇن تۈكلىرى بار، كۈرەك چىشلىرى ئۈستىگە ئېگىلگەن. ئۇ سوغۇق بەلۋاغلاردا ياشىغان 4-دەۋرنىڭ ھايۋىنى بولۇپ، ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇغان. «تۈكلۈك پىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مامونتⅡ

  • مامونتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شەمشاد ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ. ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن، غولىنىڭ ئايلانمىسى 30 مېتىردىن ئاشىدۇ. 3000 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ.

مامۇق

  • مامۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غاز، ئۆردەك قاتارلىقلارنىڭ يۇمشاق تۈكلىرى:[مىسال:] مامۇق ياستۇق. مامۇق چاپان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاختىدەك يۇمشاق:[مىسال:] ئىككى جۈپ ياقۇت لەۋ جۈپلەشتى بىردىن، ئوت-يالقۇن چاقنىدى قارا كۆزلەردىن، ئالەمچە مۇھەببەتتە ياندى قوش يۈرەك، بەختىيار نۇر ياغدى مامۇق يۈزلەردىن.

مامىرانچىن

  • مامىرانچىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

مانا

  • مانا [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ماۋۇ يەردە:[مىسال:] شاھىدە قىزىم نەدىسەن مانا، مەن بار، ھامما ئاچا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىنىڭ قولىدىكى، يېنىدىكى نەرسىنى ياكى بولۇۋاتقان، بولغان ۋەقە-ھادىسىلەرنى كۆرسىتىشكە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] كىچىك بالىنى سوغۇقتا يېتىلەپ ئاۋارە بولمىسىلا، ئەمدى ئۆزىمۇ كېلىپ قالار، شەھەر دېگەن مانىغۇ.[يەشمىسى:] ③ يۈكلىمە ۋەزىپىسىدە كېلىپ: 1) جۈملىدە ئۇقۇلىدىغان مەقسەتكە ئاڭلىغۇچىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] مانا، ھەممە ئوقۇغۇچىلار كېلىپ بولدى. * مانا، ئىش چاتاق بولدى.[يەشمىسى:] 2) بەزىدە تېزلىك ئىماسىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ:[مىسال:] مانا، ھازىر بارىمەن. * مانا، بىردەمدىلا تەييار بولىدۇ.[يەشمىسى:] 3) ئۆزىدىن كېيىنكى كىشىلىك ئالماشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ كېلىدۇ:[مىسال:] مانا بۇلار نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە ئىدى.

مانا ئەمدى

  • مانا ئەمدى[يەشمىسى:] ھازىرغا كەلگەندە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە:[مىسال:] خانقىز ئانا بۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا كۆڭلى بەكمۇ بىئارام بولاتتى، مانا ئەمدى مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىزى ئۆزى ئۈچۈن كېلىن بولماقچى.

مانا ئەمىسە دەپ

  • مانا ئەمىسە دەپ[يەشمىسى:] ئاچچىقىغا پايلىماي، تەۋەككۈل قىلىپ:[مىسال:] مانا ئەمىسە دەپ چېچىدىن تۇتۇپ ئاستىمغا بېسىپ تازا سالدىم.

مانا مەن دەپ

  • مانا مەن دەپ[يەشمىسى:] كۆزگە چېلىقىپ، بىلىنىپ، ئېنىق، روشەن:[مىسال:] گومىنداڭنىڭ پوتەيلىرى مانا مەن دەپ ئاشكارا كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئېلىش قىيىن ئىدى.

مانا-ئەنە

  • مانا-ئەنە[يەشمىسى:] «ئەنە-مانا»غا قاراڭ:[مىسال:] مانا-ئەنە دېگەنلەرنى قويۇپ ئىشنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى.

ماناسقان

  • ماناسقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۈتەك، تۇمان.

مانانⅠ

  • مانانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇمان؛ چاڭ-توزان:[مىسال:] مانان باسماق. مانان قاپلىماق.

مانانⅡ

  • مانانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوناق ياكى قومۇشنىڭ پۆپۈكى.

مانانلاشتۇرماق

  • مانانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مانانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياش مونچاقلىرى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ كۆزىنى مانانلاشتۇردى.

مانانلاشماق

  • مانانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چاڭ-تۇمان پەيدا بولماق، مانان بىلەن قاپلانماق:[مىسال:] سۇ ئۈستىدە شالاڭ تۇمان پەيدا بولۇپ، ھەممە نەرسە مانانلىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غۇۋالاشماق، خىرەلەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى يەنە ياشتىن مانانلاشتى.

مانانلىق

  • مانانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مانانى بار، مانان بىلەن قاپلانغان، غۇۋا:[مىسال:] ھېكمەت كۈنپېتىشقا قاراپ خېلى ئۇزاق تۇردى، ئۇ مەست كۆزلىرى بىلەن مانانلىق كېچىدە شۇ ياقتىن نىجات ئىزدىگەندەك ئۇزاق تەلمۈردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غۇۋا، مانان ھالەت:[مىسال:] ھاۋانىڭ مانانلىقى، ئاسماندا ئاينىڭ يوقلۇقى، بۇ مېنىڭ خامۇشلۇقۇم. يېنىمدا يارنىڭ يوقلۇقى.

مانتا

  • مانتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىيمىنى خېمىرغا تۈگۈپ قاسقاندا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل تاماق.

مانتىپەز

  • مانتىپەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مانتا پىشۇرۇش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىلىدىغان كىشى.

مانتىپەزلىك

  • مانتىپەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مانتا پىشۇرۇش ۋە سېتىش كەسپى.

مانتىچى

  • مانتىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مانتىپەز»گە قاراڭ:[مىسال:] مانتىخانىلاردا مانتىچىلار بىر-بىرلىرى بىلەن بەسلىشىپ ۋارقىرىشاتتى.

مانتىخانا

  • مانتىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مانتا پىشۇرۇپ ساتىدىغان ئاشخانا.

مانتىسسا

  • مانتىسسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئونلۇق كەسىر چېكىتىدىن كېيىنكى پارچە سان.

مانجاⅠ

  • مانجاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مېھنىتى ئۈچۈن بېرىلگەن ھەق؛ سىمكار:[مىسال:] ئۇ ئاخشام مانجىسىنى نېسى قويۇپ ئېلىپ كەلگەن دىراپ پەلتوسىنى كىيىپ سەھەردە تالاغا ماڭدى.

مانجاⅡ

  • مانجاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئاقىدىغان سۇغا سېلىنىدىغان ئاغزى ۋە تۈۋى يوغان، ئوتتۇرا قىسمى تار تور.

مانجۇ

  • مانجۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى ئۇلار ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ لياۋنىڭ، خېيلوڭجياڭ، جىلىن، خېبېي، بېيجىڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلىرىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

مانجىت

  • مانجىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆڭلەك قاتارلىق بەزى كىيىملەرنىڭ يەڭ ئۇچىنى ھىم ئېتىش ئۈچۈن مەخسۇس بېكىتىلگەن پەۋىزى، يەڭنىڭ بوغما ئاغزى:[مىسال:] يەڭنىڭ مانجىتىغا تۈگمە قادىماق.

مانجىتلىق

  • مانجىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مانجىتى بار، مانجىت ئورنىتىلغان:[مىسال:] مانجىتلىق يەڭ.

مانچاناق

  • مانچاناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر ئۇچىغا ئارغامچا چىگىپ، يەنە بىر ئۇچىغا يوغان تاش ئېسىلىدىغان بىر خىل يەرلىك ياغاچ پىشاڭ. قەدىمكى زاماندا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىلاتتى ھەم ئۇرۇشتا يىراقلارغا تاش ئاتىدىغان ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىناتتى.

مانچېستېر

  • مانچېستېر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بىر شەھەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىۋىتى پاختىدىن قىلىنغان، سىدام (دۇخاۋا ھەققىدە):[مىسال:] مانچىستىر دۇخاۋا.

ماندات

  • ماندات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا سالاپەتلىك كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن گۇۋاھنامىسى.

ماندار

  • ماندار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۆگىمەچ تىپىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئۇ چىتلارغا يامىشىپ ئۆسىدۇ:[مىسال:] ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس (ماقال).

ماندارىن

  • ماندارىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. مېۋە پوستى قىزغۇچ سېرىق، ئېتى شىرنىلىك، تەمى تاتلىق، مېۋە پوستى، ئۇرۇقى ۋە يوپۇرمىقى تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.

ماندالىن

  • ماندالىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] يۈزىگە تۆت جۈپ سىم تارتىلىدىغان، باش قىسمى دۇتارغا ئوخشاپ كېتىدىغان قىسقا ساپلىق چالغۇ ئەسۋابى.

مانگان

  • مانگان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت . بەلگىسى . (manganum)Mn كۈل رەڭ كرىستاللىق ماددا، قاتتىق ھەم چۈرۈك، پارقىراق، نەم ھاۋادا ئوكسىدلىنىدۇ، سانائەتتە مانگان، تۆمۈر ۋە خروم قارا مېتاللار دېيىلىدۇ. ئاساسەن مانگانلىق پولات قاتارلىق قېتىشما ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

مانگانىت

  • مانگانىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. تەركىبىدىكى مانگان 26.4 %/(Mn) يەككە ياقلىق كرىستال سىستېمىغا كىرىدۇ. كرىستاللىرى تۈۋرۈك شەكلىدە بولۇپ، يۈزىدە تىك سىزىقلار بولىدۇ. رەڭگى قارا، سىزىقى قوڭۇر كېلىدۇ. يېرىم مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە. ئۇ «سۇلۇق مانگان تېشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مانگرو

  • مانگرو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئېنگ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «مانگرو دەرىخى»گە قاراڭ.

مانگرو دەرىخى

  • مانگرو دەرىخى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مانگرو دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. دەرەخ قوۋزىقى بوياق ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ياريېلىم ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.

مانگلىتسىيە

  • مانگلىتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ماگنولىيە ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ.

مانگو

  • مانگو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. مېۋە گۆشى سېرىق، يېيىشكە بولىدۇ، شىرنىلىك، تەمى مەززىلىك.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.

مانومېتىر

  • مانومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] پار، گاز ياكى سۇيۇقلۇق بېسىمىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.

مانۇفاكتۇرا

  • مانۇفاكتۇرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] قول ھۈنەر كارخانىلىرىدا بىر ئىشنى ئىش تۈرى بويىچە مەسئۇل بولۇپ قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ پۈتتۈرۈش جەريانى:[مىسال:] ماشىنىچىلار 100 قۇر كىيىمنى مانۇفاكتۇرا بولۇپ بىر ھەپتىدىلا تۈگەتتى.

مانېكېن

  • مانېكېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ماگىزىن ۋە كىيىم تىكىش دۇكانلىرىدا كىيىم كىيدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئادەم شەكلىدە ياسالغان قېلىپ.

مانېۋىر

  • مانېۋىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ماھارەتنى پىششىق يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىي مەشىق (كۆپىنچە ھەربىي ئىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ).[يەشمىسى:] ② ئالدىن ئېلىپ بېرىلغان تەييارلىق ھەرىكەت:[مىسال:] بۇ چېكىنىشلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭ ساھەسىدىكى زور مانېۋىردۇر.

مانى

  • مانى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مانى دىنى.[يەشمىسى:] ② مانى دىنىگە مەنسۇپ كىشى.

مانى دىنى

  • مانى دىنى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مىلادىيىدىن كېيىنكىⅢئەسىردە، ئىران ۋە بابىلونىيىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن دىن. بۇ دىننى تەسىس قىلغۇچى مانى مىلادىيە 215-يىلىدا بابىلونىيىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە يەھيا پەيغەمبەر خرىستىئانلىرى دېگەن مەزھەپكە كىرگەن. كېيىن زەردۇشتلۇقنى ئىسلاھ قىلىش ئارزۇسىدا بولغان. بىر مەزگىل ھىندىستاندا بۇددىزمنى تەتقىق قىلغان. كېيىنچە ئىراندا ئۆزىنى بۇددا، زەردۇشت ۋە ئەيسا بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ يېڭى ئېتىقاد سىستېمىسىنى تارقىتىشقا كىرىشكەن، 246-يىلدا ئۆلتۈرۈلگەن.

مانىزم

  • مانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① مانى دىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادچىلىق:[مىسال:] ئۇيغۇرلار قەدىمدە تۇتېمىزمغا ئىشىنەتتى. Ⅷ ئەسىردە مانىزمنى دۆلەت دىنى قىلغان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بارلىقنىڭ ئاساسى بىرلا ماتېرىيە ياكى روھ دەپ ھېسابلايدىغان پەلسەپىۋى تەلىمات.

مانىفېست

  • مانىفېست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] تەنتەنىلىك، پروگرامما خاراكتېرلىك يازما مۇراجىئەت، خىتابنامە.

مانىلكارا

  • مانىلكارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① تاغ زەيتۇنى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. مېۋىسىنى يېيىشكە ياكى ئىچىملىك ياساشقا بولىدۇ، غولىدىن ئېقىپ چىققان سۈتسىمان شىرنىسى سېغىز ياساشنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.

مانىھوت

  • مانىھوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. خام يېيىشكە بولمايدۇ، زەھەرلىك، قاينىتىپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن زەھىرى يوقىلىدۇ. يەم-خەشەك قىلىشقا ياكى كراخمال ئېلىشقا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل چاتقالنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى.

ماھارەت

  • ماھارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، كەسىپ، پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا يېتىلگەن ئىقتىدار، ماھىرلىق.

ماھارەتچانلىق

  • ماھارەتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماھارەت تەلەپ قىلىش دەرىجىسى؛ ماھارەت سىڭدۈرۈلۈش:[مىسال:] كاپرىس — قۇرۇلما جەھەتتىن ئەركىن، خاراكتېر جەھەتتىن غەلىتە ئىشلەنگەن ئاھاڭ. ئۇنىڭ ئادەتتە ماھارەتچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ.

ماھارەتلىك

  • ماھارەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماھارىتى بار، ماھارەتكە ئىگە بولغان، ئۇستا، ماھىر:[مىسال:] سېخىمىزدىن مۇنداق ماھارەتلىك ياش نابورچىكنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى، ئەلۋەتتە ياشىنىپ قالغان پېشقەدەم ئۇستىلىرىمىزنىڭ ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ماھايانا

  • ماھايانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇددا دىنىنىڭ بىر مەزھىپى. ماھايانا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇلۇغ كۆلۈڭگۈ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەزھەپتىكىلەر ئۆز مەزھىپىنى گويا بىر چوڭ ھارۋىدا ئولتۇرغۇچىلار، قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك خالايىقنىڭ ھەممىسىنى سانسارادىن قۇتقۇزۇپ، نېرۋاناغا يەتكۈزگۈچىلەر دەپ ھېسابلايدۇ.

ماھىئەنۋەر

  • ماھىئەنۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] نۇرلۇق ئاي:[مىسال:] ئۆتمۈشنىڭ ساۋاقلىرى بەلكى سېنىڭ ئېسىڭدىدۇر. تارىخنى يورۇتقىن خۇرشىد، ماھنئەنۋەر تاپ.

ماھىپەيكەر

  • ماھىپەيكەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاي سۈرەتلىك، گۈزەل:[مىسال:] ئۇنى بىزدىن جۇدا قىلدى رەھىمسىز بىۋاپا يىللار، يوشۇرغاندەك قارا پەردە نەزەردىن ماھىپەيكەرنى.

ماھىتابان

  • ماھىتابان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① پارقىراپ تۇرغان ئاي:[مىسال:] قارا تۈننى يورۇتار ماھىتاباندۇر كىتاب، مەدەنىيەتنىڭ رولچىسى، بەخت-ئىقبالدۇر كىتاب.[يەشمىسى:] ② گۈزەل يار:[مىسال:] ئاھ ئەجەب يەتمەي ۋىسالغا بولدىما قۇملارغا يەم، بولدى ئالەم بىر دوزاخ، ئەي ماھىتابان قايدىسەن

ماھىر

  • ماھىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بولغان، ماھارەتلىك، ئۇستا:[مىسال:] ساڭا ئوخشاش ئىلمى نۇجۇمغا ماھىر ساتىراشنى ئۆمرۈمگە كېلىپ كۆرمىگەنىدىم.

ماھىرانە

  • ماھىرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ماھارەت بىلەن، ماھىرلىق بىلەن:[مىسال:] گويا شامال كېلىپ تەگكەن ئورماندەك، ئوينىشىشتى ئىرغاڭلىتىپ بەدەننى. ئۇلۇغلاشتى ماھىرانە ھەرىكەتتە، تەڭرىلەرنى، باتۇرلۇقنى، ۋەتەننى.

ماھىرلاشتۇرماق

  • ماھىرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ماھىرلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياسىننىڭ كىچىكىدىنلا داۋاملىق ئات مىنىش بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئۇنى تېخىمۇ ماھىرلاشتۇرۇپ، چەۋەنداز قىلىپ يېتىلدۈردى.

ماھىرلاشماق

  • ماھىرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماھىر ۋە ئۇستا بولۇپ يېتىشمەك، ماھارەت ئىگىلىمەك:[مىسال:] ئۇ چاقماق تېشىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ-ئۇرۇپ ئوت چىقىرىشقا ماھىرلىشىپ كەتتى.

ماھىرلىق

  • ماھىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، كەسىپ، پائالىيەتتە ئىگىلىگەن ئالاھىدە سەنئەت، ئۇستىلىق، ماھارەت:[مىسال:] ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ماھىرلىق تەرەپلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ماھىيەت

  • ماھىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم، تۈپ مەزمۇنى:[مىسال:] بۇنىڭ ماھىيىتى مانا مۇشۇ يەردە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] نەرسە ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكى بەلگىلىرى، ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىش، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش خاراكتېرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدىغان باش ئامىل.

ماھىيەتچىلىك

  • ماھىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماھىيەت ياكى ماھىيەتلىك نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر خىل پەلسەپە نەزەرىيىسى.

ماھىيەتسىز

  • ماھىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچكى باغلىنىش، ماھىيىتى بولمىغان، مۇھىم ئەمەس:[مىسال:] ئوبيېكتنىڭ ماھىيەتسىز ئامىللىرىنى ئۆزگەرتىش.

ماھىيەتلىك

  • ماھىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماھىيىتى بار، ئىچكى باغلىنىش ۋە ماھىيەتكە ئىگە بولغان، مۇھىم:[مىسال:] شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئامىللىرىنىڭ مېڭىدە ئوچۇق ئىنكاس ئېتىشى تەسرەك.

ماۋخوزەرىش

  • ماۋخوزەرىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەمبۇرۇغلارنىڭ بىر تۈرى. بامبۇك يىلتىزلىرىدا پارازىت ياشايدۇ. قۇرۇق زەمبۇرۇغ تۈگۈنى دورا قىلىنىدۇ. ئىلمەك قۇرت، ئاسكارىدا، سولترا قاتارلىق قۇرتلارنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمى يۇقىرى.

ماۋرىتانىيە

  • ماۋرىتانىيە[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، يەر مەيدانى 1 مىليون 185 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئەرەب موريېلىرى ئاھالىنىڭ 07% تىنى ئىگىلەيدۇ. قالغىنى نېگىرلار، دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، فرانسۇز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. دۆلەت دىنى ئىسلام دىنى.

  • ماۋرىتانىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى موريىلار بولۇپ، مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر كىرگەن. ⅩⅤ ئەسىردىن باشلاپ پۇرتىگالىيە، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىلەر بېسىپ كىرگەن. 1912-يىلى فرانسىينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1958-يىلى 11-ئايدا «فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى» قارمىقىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، نامىنى ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىلىپ بېكىتكەن. 1960-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇستەقىللىق جاكالىغان. 1965-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • ماراكەشنىڭ كانچىلىقى دۆلەت ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاساسلىق تۆمۈر ۋە مىس قېزىۋېلىنىدۇ. تۆمۈر مەھسۇلاتى ئافرىقا بويىچە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقى بىرقەدەر مۇھىم ئورۇندا بولۇپ، دۆلەت نوپۇسىنىڭ 08% تى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

  • ئااسلىق شەھىرى پايتەخت نوۋاكشوت شەھىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. 1963-يىلى قۇرۇلغان. شەھەر قۇرۇلۇشى سەھرايى كەبىر رايونىنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن قۇرۇلۇشلىرى قۇلۇلە قېپىدا سېلىنغان بولغاچقا، «قۇلۇلە قېپى شەھىرى» دېگەن نامى بار.

ماۋزۇ

  • ماۋزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۆھبەت، پىكىر، مۇلاھىزە قاتارلىقلاردا مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مەسىلە؛ تېما:[مىسال:] گەپنىڭ ماۋزۇسى شۇ مەسىلە بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] كىتاب، ئەسەر، ماقالە قاتارلىقلارنىڭ نامى؛ سەرلەۋھە:[مىسال:] ماۋزۇ قويماق. ماۋزۇ تاللىماق.

ماۋزۇر

  • ماۋزۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] يان قورالنىڭ بىر خىلى. ئۇنىڭ ياغاچ قېپى بولۇپ، ئاتقان چاغدا ياغاچ قاپنى قورالنىڭ كەينىگە ئورنىتىپ تىرەك قىلغىلى بولىدۇ. ئارقا-ئارقىدىن ئاتقىلى بولىدۇ. ئېتىش مۇساپىسى ئادەتتىكى يان قورالنىڭكىدىن يىراق بولىدۇ.

ماۋزۇسىز

  • ماۋزۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماۋزۇسى يوق، ماۋزۇ قويۇلمىغان، سەرلەۋھىسىز:[مىسال:] ماۋزۇسىز ماقالە.

ماۋزۇلۇق

  • ماۋزۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماۋزۇسى بار، ماۋزۇ قويۇلغان، مەلۇم ماۋزۇ بىلەن ئاتالغان، سەرلەۋھىلىك:[مىسال:] گېزىتكە «سۈنئىي ئوتلاق يېتىشتۈرۈش ماھىرى مۇختار» ماۋزۇلۇق خەۋەر بېسىلدى.

ماۋنەن

  • ماۋنەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار گۇاڭشىغا ئورۇنلاشقان.

ماۋۇ

  • ماۋۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]مانا+بۇ[[يەشمىسى:] «بۇ» ئالمىشىنىڭ كۈچەيتىلمە تۈرى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ماۋۇنى ئۆزۈمگە، ماۋۇنى ئۇكامغا ئالدىم.

ماۋىي

  • ماۋىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۆك، ھاۋا رەڭ:[مىسال:] ماۋىي كۆڭلەك.

مايⅠ

  • مايⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھايۋان ۋە ئادەملەرنىڭ تېرە ئاستىدىكى توقۇلمىلىرى ھەمدە ئۆسۈملۈكلەر تېنىدە بولىدىغان ئورگانىك ماددا.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ماتېرىياللار ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھەمدە سىلىقلاش ياكى پەرداز بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار:[مىسال:] ماشىنا مېيى. يۈز مېيى.[يەشمىسى:] ③ نېفىت ياكى ئۇنىڭدىن چەككىلەپ ئېلىنىدىغان تۈرلۈك يېقىلغۇلار:[مىسال:] ماي قاچىلىماق. ماشىنىنىڭ مېيى تۈگىمەك.

ماي تارتماق

  • ماي تارتماق[يەشمىسى:] رەنجىگەنلىكىنى نېزىقاش بىلەن ئىپادىلىمەك، قېيىدىماق:[مىسال:] نېمە بولاتتى بەلكىم يۈرگەن قىزى بىلەن ماي تارتىشىپ قالغاندۇ تايىنلىق، دېدى باقى چاقچاق قىلىپ.

ماي تۆكۈلسە يالىغۇدەك

  • ماي تۆكۈلسە يالىغۇدەك[يەشمىسى:] سۈپۈرۈپ، سۈرتۈپ، تازىلاپ پاك-پاكىز قىلىنغان، ناھايىتى پاكىز:[مىسال:] قارىسام ئايالىم ئۆينى تازىلاپ ماي تۆكۈلسە يالىغۇدەك قىلىۋېتىپتۇ.

ماي چاينىماق

  • ماي چاينىماق[يەشمىسى:] مېغىزىنى چاقماق؛ لەززىتىنى، ھالاۋىتىنى، كۆرمەك:[مىسال:] ۋوي ھۆسۈيۈن، ئۆيىڭىزنى بىزنىڭ مەخسۇمغا ئىجارىگە بەرگەن بولسىڭىز تازىمۇ ياخشى بولاتتى-دە، يىللىقىغا 250 سومنى نەقلا ئالدىڭىزغا قوياتتى. گاچچىدا ماي چايناۋالاتتىڭىز ئەمەسمۇ

مايⅡ

  • مايⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① قەدىمكى رىم خرىستىئانلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى، مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاينى شۇنىڭ نامىغا ئاتىغان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<مىلادىيە يىل ھېسابى بويىچە بەشىنچى ئاي.

مايا

  • مايا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 66-نومۇرلۇق كىچىك يۇلتۇز.

ماياتنىك

  • ماياتنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① تام سائىتى قاتارلىقلاردا مېخانىزمنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تەۋرىنىپ تۇرىدىغان، بىر ئۇچى يۇقىرىدىكى قوزغالماس نۇقتىغا ئېسىپ قويۇلغان، تۆۋەنكى ئۇچىدا ئېغىرلىق ئورنىتىلغان ئوق:[مىسال:] سائەت ماياتنىكى.[يەشمىسى:] ② قول ۋە يانچۇق سائىتى قاتارلىقلارنىڭ تەكشى مېڭىشىنى مۇنتىزىملاشتۇرىدىغان، ئوڭ ۋە سولغا تەۋرىنىپ تۇرىدىغان دېتالى.

ماياقⅠ

  • ماياقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكە، تۈگە قاتارلىق بەزى ھايۋانلارنىڭ، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق بەزى قۇشلارنىڭ يۇمىلاق ياكى قاتتىقراق پوقى:[مىسال:] ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ (ماقال).

ماياقⅡ(ما:ياق)

  • ماياقⅡ(ما:ياق)[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ما+ياق[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ① مانا بۇ تەرەپ؛ بۇ ياق:[مىسال:] ماياققا ماڭ، لۈكچەك ئۇ كەلگەن پېتى نادىرنىڭ چاپىنىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ بىر تارتىۋىدى، چاپاننىڭ ياقىسى سۆكۈلۈپ، گەجگىسىگە بېرىپ توختىدى.[يەشمىسى:] ② ماۋۇ كىشى، ماۋۇ ئادەم:[مىسال:] ماياق سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ، دېدى ئۇ ماڭا ناتونۇش بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ.

ماياقتاش

  • ماياقتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ماياق+تاش[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. قۇشلار مايىقىنىڭ ئاينىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ فوسفور كىسلاتا تۇزلىرى، گۈڭگۈرت كىسلاتا تۇزلىرى، كاربونات كىسلاتا تۇزلىرى ۋە باشقا ئارىلاشمىلارغا باي بولىدۇ. تاشقى شەكلى دانلىق، كاللەك ۋە كاۋاكلىق كېلىدۇ ھەمدە ئالىي سۈپەتلىك ئوغۇت بولالايدۇ.

ماياقلاتماق

  • ماياقلاتماق[يەشمىسى:] «ماياقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ماياقلاشماق

  • ماياقلاشماق[يەشمىسى:] «ماياقلىق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ماياقلىق

  • ماياقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماياق كۆپ جاي:[مىسال:] تۇرسۇن ئاكام قوغۇننى ئوغۇتلاش ئۈچۈن قۇمدىكى ماياقلىققا ماياق تاسقاشقا ماڭدى.

ماياقلىماق

  • ماياقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماياق چىقارماق، چىچماق (بەزى ھايۋانلار ۋە قۇشلار ھەققىدە):[مىسال:] قوي كىگىزگە ماياقلاپ قويمىسۇن، بالام، تېز بول، ئېغىلغا ھەيدە

ماياك

  • ماياك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① كېمىلەرگە يول كۆرسىتىش ئۈچۈن دېڭىز قىرغىقىغا، ئارالغا ئورنىتىلغان سىگنال يورۇقى بار مۇنار:[مىسال:] سانسىز يۇلتۇز جىمىرلايدۇ دېڭىزدىكى ماياكتەك. ئاي ئۈزىدۇ كۆك دېڭىزدا مەنزىلىگە سەيياھتەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يول كۆرسىتىپ يېتەكلەيدىغان قىبلىنەما، يېتەكچى:[مىسال:] شۇ ئۇلۇغ ئوي-پىكرىڭىز نۇرلۇق ماياكتۇر بىز ئۈچۈن، تۇرغۇسىز ھەربىر يۈرۈشتە يولىمىزنى يورۇتۇپ،

مايتۇ

  • مايتۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتۇلغان بېلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىدىغان كالتە توقماق.

مايتۇق

  • مايتۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىڭغىر، مايماق.

مايتۇق-سايتۇق

  • مايتۇق-سايتۇق[يەشمىسى:] قىڭغىر-سىڭغىر، مايماق-سايماق:[مىسال:] ئۇ تۆمۈر-تەرسەكلەر ئىچىدىن ياخشىراقلىرىنى تاللىۋېلىپ ئۆزى بىلگىنىچە مايتۇق-سايتۇق ئېگىپ يۈرۈپ كىچىك-كىچىك قەلەي قاچىلارنى ياساشقا كىرىشىپ كەتتى.

مايداڭ

  • مايداڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چاقچاق، ھەزىل.

مايدان

  • مايدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماي ئالىدىغان قاچا، ماي قۇتىسى.

مايسا

  • مايسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىرائەتنىڭ ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىنكى بەشتىن-ئالتە سانتىمېتىر ئۆسكەن يۇمران تېنى:[مىسال:] بۇغداي مايسىسى. قوناق مايسىسى. مايسا كۆچۈرمەك. مايسا ئېتىزى.

مايسەن

  • مايسەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى. مېۋىسىنىڭ شەكلى يۇمىلاقراق، كاسا ئوتتۇرىسىدا سىزىقچىسى بار. گۆشى يۇمشاق، تاتلىق، سۇلۇق، خۇشبۇي، پوستى نېپىز ۋە تۈكلۈك. گۆشى ئۇرۇقچىسىدىن ئاجرايدۇ. مېغىزى تاتلىق. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا پىشىدۇ.

مايسىراتماق

  • مايسىراتماق[يەشمىسى:] «مايسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مايسىراشماق

  • مايسىراشماق[يەشمىسى:] «مايسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مايسىرىماق

  • مايسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىدىكى ماي ياكى ماي تەركىبى كېمىيىپ كەتمەك، مايسىزلىقتىن مايغا ئېھتىياجى كۈچەيمەك:[مىسال:] سىلىنىڭ قۇلاقلىرى مايسىراپ قالمىسىلا، بىزنىڭ كاناي ۋە بارماقلىرىمىز مايسىزمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىۋېرىدۇ دېدىم.

مايسىز

  • مايسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېيى يوق، ماي ئارىلاشتۇرۇلمىغان، مايلانمىغان:[مىسال:] مايسىز گۆش. مايسىز تاماق.

مايسىزار

  • مايسىزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەممە يېرىدە مايسىلار ئۆسكەن جاي، مايسىلىق:[مىسال:] ئۇلار كۈلگىنىچە مايسىزارغا يۈرۈپ كەتتى.

مايسىزارلىق

  • مايسىزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مايسىلار بىلەن تولغان جاي؛ مايسىزار:[مىسال:] ئۇ تەرەپتە مايسىزارلىق، بۇ تەرەپتە پاختىزار، ئىشلىمەكتە قەھرىمان دېھقانلىرى تەر ئاققۇچە.

مايسىلىق

  • مايسىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مايسا ئېتىزى:[مىسال:] ئېرىقىڭدا سۇ بولسام، باغلىرىڭغا ئاقسام مەن، يېشىل مايسىلىقلارغا، كۆكرىكىمنى ياقسام مەن.

مايقوڭغۇز

  • مايقوڭغۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ماي+قوڭغۇز[[كەسىپ تۈرى:]>زوئۇل<[يەشمىسى:] تېنى قارا يېشىل ياكى باشقا رەڭلەردە پارقىراق كېلىدىغان بىر خىل ھاشارات. زىرائەتلەرنىڭ يىلتىز، غوللىرىنى يەپ دېھقانچىلىققا زىيان سالىدۇ.

مايقۇرت

  • مايقۇرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ماي+قۇرت[[كەسىپ تۈرى:]>زوئۇل<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنى ياپىلاق ۋە توق قوڭۇر كېلىدۇ. سېسىق پۇراق چىقىرىدۇ. ھەمىشە كىيىم-كىچەكلەرنى چىشلەپ ئورىۋېتىدۇ. كېزىك خولىرا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ. ئادەتتە زىيانلىق ھاشارات دەپ قارىلىدۇ. ئۇ «سۈۋەرەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مايكا

  • مايكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يىپ ۋە سۈنئىي تالالاردىن توقۇلغان يەڭسىز ئىچ كىيىم.

مايكىچان

  • مايكىچان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مايكىلا كىيىپ، ئۈستىگە باشقا كىيىم كىيمەي:[يەشمىسى:] ئۇ مايكىچان بولۇپ، بېشىدا ئۆڭگەن چىخ قالپاق بار ئىدى.

مايگۈل

  • مايگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ماي+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئېيىقتاپان»غا قاراڭ.

مايلاتماق

  • مايلاتماق[يەشمىسى:] «مايلىماق» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياسىن ۋېلىسىپىتنىڭ شارىك ۋە ئوقلىرىنى مايلىتىش ئۈچۈن رېمۇنت دۇكىنىغا باردى.

مايلاشماق

  • مايلاشماق[يەشمىسى:] ① «مايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆتۈكلىرىنى مايلىشىپ، شەپكىلىرىنى قىرلىشىپ، زىياپەتكە تەييارلىنىشماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② ھەممە يېرىگە ماي تەگمەك، ھەممە يېرى ماي بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بېشىدىكى مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن قوپال شەپكە بولسا دائىم كۆزىگە چۈشۈپ تۇراتتى.

مايلاقسىز

  • مايلاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماي سۈرتۈلمىگەن، مايلانمىغان: مايلاقسىز بەتىنكە.

مايلاقلىق

  • مايلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماي سۈرتۈلگەن، مايلانغان:[مىسال:] ئۆتۈك مايلاقلىق.

مايلامچى

  • مايلامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتۈك، بەتىنكە قاتارلىق ئاياغ كىيىملەرنى مايلىغۇچى كىشى.

مايلامچىلىق

  • مايلامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتۈك، بەتىنكە قاتارلىق ئاياغ كىيىملەرنى مايلاش كەسپى:[مىسال:] قالتىسقۇ، نېمە ئىش قىلىسەن بۇرۇن مايلامچىلىق قىلىپ ئاياغ مايلايتتىم، ھازىر چاچ ئالىمەن.

مايلانماق

  • مايلانماق[يەشمىسى:] ① «مايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەن زەيتۇن يىغىدا مايلىنىپ ھەركۈنى چۈشتە ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان بولدۇم.[يەشمىسى:] ② «مايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۇچىسىغا ئادەتتىكى كۆك چاپان، پۇتىغا مايلانمىغان بەتىنكە كىيىۋالغانىدى.

مايلىشاڭغۇ

  • مايلىشاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماي يۇققان، مايلاشقان:[مىسال:] ئەبەي كۈن ئىسسىپ كېلىۋاتسىمۇ، لېكىن ھېلىغىچە بېشىدىن تاشلىمىغان مايلىشاڭغۇ تاقىر قۇلاقچىسىنى ھېلىدىن-ھېلى قولىغا ئېلىپ بېشىنى تاتىلايتتى.

مايلىقⅠ

  • مايلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماقتىن كېيىن قولنى سۈرتىدىغان بۆز، لۆڭگە:[مىسال:] پولۇدىن كېيىن ھەممىسى مايلىق بىلەن قولىنى سۈرتۈپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى.

مايلىقⅡ

  • مايلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مېيى بار، ماي ئېلىش مۇمكىن بولغان:[مىسال:] مايلىق زىرائەت. مايلىق دان.[يەشمىسى:] ② مېيى كۆپ، ماي ئارىلاشتۇرۇلغان.[يەشمىسى:] ③ ماي سۈرتۈلگەن، مايلانغان:[مىسال:] مايلىق قەغەز.

مايلىق دان

  • مايلىق دان[يەشمىسى:] ماينىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدىغان زىغىر، قىچا، كەندىر، زاراڭزا قاتارلىق زىرائەت دانلىرى:[مىسال:] يېزاڭلاردا مايلىق دان كۆپ ئەمەس ئوخشايدۇ.

مايلىماق

  • مايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماي سۈركىمەك، ماي بەرمەك:[مىسال:] رىشىت تارتمىدىن چوتكا ۋە ئاياغ مېيىنى ئېلىپ شىبلىتىنى مايلاشقا باشلىدى.

مايماق

  • مايماق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۈز بولمىغان، ئەگرى، قىڭغىر:[مىسال:] پۇتى مايماق. * گويا قونغاندەك ھەسەلگە چىۋىن يات ئەل كۆزىگە چۈشتى بۇ زېمىن. تالاي قەبىلە، تالاي ئايماقلار، تەييارغا شەيخ-كۆڭلى مايماقلار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دۇرۇس بولمىغان، ناتوغرا؛ ساپ بولمىغان، ناپاك:[مىسال:] ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق (ماقال).

مايماق-سايماق

  • مايماق-سايماق[يەشمىسى:] ئەگرى-بۈگرى، قىڭغىر-قىيسىق:[مىسال:] مايماق-سايماق تام. * خەتنى مايماق-سايماق يازماق.

مايمۇن

  • مايمۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈرلىرى خېلى جىق، شەكلى سەل ئادەمگە ئوخشاپ كېتىدۇ. توپلىشىپ ماكانلىشىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىدا ئوزۇق ساقلايدىغان قوۋۇز خالتىسى بولىدۇ. مېۋە، ياۋا كۆكتات، قۇش تۇخۇمى ۋە ھاشاراتلارنى ئوزۇق قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مۈچەل يىل ھېسابىدا توققىزىنچى يىل نامى:[مىسال:] مايمۇن يىلى.

مايمۇن ئويناتماق

  • مايمۇن ئويناتماق[يەشمىسى:] ھىيلە-مىكىر قىلىپ ئاداشتۇرماق، ئەخمەق قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئېگىز قارلىق تاغلار ئارىسىدا بىزنى مايمۇن ئويناتقاندەك ئويناتقان بىلەن بۇ تۈزلەڭلىكتە ئوۋچىغا ئۇچراپ قالغان توشقانغا ئوخشاپ قالىدۇ.

مايمۇن ئويۇنى

  • مايمۇن ئويۇنى[يەشمىسى:] ① كۆندۈرۈلگەن مايمۇن ئارقىلىق كۆرسىتىلىدىغان ئويۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ئاداشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھىيلە-مىكىر:[مىسال:] شا مەخسۇتنىڭ «تورپاق» يېغىلىقىدىكى مايمۇن ئويۇنىغا ھېچكىم گول بولماس.

مايمۇنزەنجىۋىلى

  • مايمۇنزەنجىۋىلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[مىسال:]]مايمۇن+زەنجىۋىل+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاپورتنىكلارنىڭ بىر تۈرى، يەنى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە «تېڭىقئوتى» دېيىلىدۇ. قاننى جانلاندۇرۇش، پەي-سىڭىرلارنى چىڭىتىش رولى بار، بەل ئاغرىقى، سۇنۇق قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي، غەربىي، جەنۇبىي تەرەپلىرىدىن چىقىدۇ.

مايمۇنسىمان

  • مايمۇنسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مايمۇنلارنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان، سىرتقى قىياپىتى، بەزى ھەرىكەتلىرى مايمۇنغا ئوخشايدىغان:[مىسال:] مايمۇنسىمان ئادەم.

مايمۇنسىمان ئادەم

  • مايمۇنسىمان ئادەم[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەڭ ئىپتىدائىي ئادەملەر، ئۇلاردا مايمۇنغا خاس بەزى بەلگىلەر بولسىمۇ، ئۆرە مېڭىش، ئاددىي سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ۋە ئاددىي ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان.

مايمۇنشاپتۇلى

  • مايمۇنشاپتۇلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مايمۇن+شاپتۇل+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مايمۇنشاپتۇلى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. شىرنىلىك مېۋىسى شارسىمان، يېيىشكە بولىدۇ، دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ. غول پوستىنىڭ تالالىرىدىن قەغەز ياساشقا بولىدۇ. گۈلىدىن پۇراق ماتېرىياللىرى ئېلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

مايمۇنگۈل

  • مايمۇنگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مايمۇن+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۈتلۈكئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

مايور

  • مايور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] «شاۋشياۋ»غا قاراڭ.

مايىل

  • مايىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەيلى بار؛ تەرىپىنى ئالىدىغان، تەرەپدار:[مىسال:] ئانام ياۋاش، ئاق كۆڭۈل، ساددا ئايال. بىرئاز دىنىي خۇراپاتلىققا مايىل.[يەشمىسى:] ② يېقىنلىشىپ قالىدىغان، يېقىن:[مىسال:] ئاققا مايىل.

مايىللاشتۇرماق

  • مايىللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مايىللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قايتا-قايتا سۆزلەش ئارقىلىق ئانا قىزنى دېگىنىگە بىرئاز مايىللاشتۇردى.

مايىللاشماق

  • مايىللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مايىل بولماق، قوشۇلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ گەپ قىلماي ھەم ئاچچىقلانماي تۇرغىنىغا قارىغاندا، كۆڭلىنىڭ بىرئاز مايىللاشقانلىقى مەلۇم ئىدى.

مايىللىق

  • مايىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مايىل بولۇش، قوشۇلۇش ھالىتى:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى ئۆز سۆزلىرىگە مايىللىقىنىڭ ئالامىتى دەپ چۈشەنگەن رۇستەم، تېخىمۇ روھلىنىپ داۋام قىلدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنى، نەرسىنى خالاش، ئۇنىڭغا ئىنتىلىش، مايىل بولۇش؛ خاھىش، ئىستەك، ئارزۇ:[مىسال:] يۈسۈپ قادىرخاننىڭ خوتەنلىكلەرنىڭ قىلىچ-نەيزە بىلەن بويسۇندۇرالمىغان قەلبىنى ئۇ دىنىي ئېتىقاد مايىللىقى بىلەن ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن

مەⅠ

  • مەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قوي-ئۆچكىلەرنىڭ مەرىگەن ئاۋازىنى بىلدۈرىدۇ.

مەⅡ

  • مەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى ئۇزىتىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئېلىشقا ئۈندەشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مە، بۇنى سەن ئال.

مەبلەغ

  • مەبلەغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] مەلۇم ساھە، تۈر ياكى سودا-سانائەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان پۇل؛ سەرمايە:[مىسال:] مەبلەغ سالماق. مەبلەغ مەنبەسى.

مەبۇد

  • مەبۇد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىبادەت قىلىنغۇچى، كىشىلەر چوقۇنغۇچى:[مىسال:] ئۇلار بۇ يەردىن يەنىمۇ چوڭ بىر بىناغا كىرىپ، بايىقىلاردىنمۇ چوڭراق، ھەيۋەتلىكرەك، بۇت، مەبۇدلارنى كۆردى.

مەپە

  • مەپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەخسۇس ئادەم چۈشۈش ئۈچۈن ياسالغان، ئات ياكى قېچىر قوشۇلىدىغان، ئۈستى يېپىق، ئىككى چاقلىق بىر خىل قاتناش قورالى.

مەپتۇن

  • مەپتۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋغا ياكى بىرەر نەرسىگە چىن يۈرىكىدىن بېرىلگەن، ئىشقى چۈشۈپ ئەس-ھوشىنى يوقاتقان، شەيدا:[مىسال:] مەپتۇن قىلماق. مەپتۇن بولماق.

مەپتۇنلۇق

  • مەپتۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەپتۇن بولۇش ئىشى ياكى ھالىتى:[مىسال:] ئۇنىڭ چېچەكلىرىگە مەپتۇنلۇق بىلەن نەزەر تاشلىدىم.

مەپكۇرە

  • مەپكۇرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] «ئىدىيە»گە قاراڭ:[مىسال:] بۇ درامىدا مۇزىكا (مۇقام) مەركىزىي نۇقتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن مەرىپەتلىك مەپكۇرىسى توغرىسىدا جىق توختالمىدۇق.

مەپھۇم

  • مەپھۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۇقۇم، مەزمۇن، چۈشەنچە:[مىسال:] گويا بىر كىچىك كائىنات ئىنسان، ئالەمنىڭ مەپھۇمى ئۇنىڭدا ئايان ۋە لېكىن يۇلتۇزلار پاتقان ئەلەمگە، پاتۇرمۇ ئىنسانچە شادلىق يا پىغان.

مەپىچى

  • مەپىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەپە ھەيدەيدىغان كىشى، مەپىكەش.

مەپىخانا

  • مەپىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەپە ۋە مەپىكەشلەر تۇرىدىغان جاي، مەپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەر:[مىسال:] ئوسمان بىلەن قادىر كونا مەپىخانىدا بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان، بىر-بىرى بىلەن تونۇش بالىلار ئىدى.

مەپىكەش

  • مەپىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەپە ھەيدىگۈچى كىشى، مەپىچى:[مىسال:] سېرىق بۇرۇت مەپىكەش مەپىسىنى توخۇ بازىرىغا ھەيدەپ بېرىپ توختاتتى.

مەپىكەشلىك

  • مەپىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەپە ھەيدەپ تىرىكچىلىك قىلىش ئىشى:[مىسال:] مەپىكەشلىك قىلماق.

مەپىلىك

  • مەپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەپىگە چۈشۈپ، مەپە بىلەن:[مىسال:] سۈبھى سۈزۈلگەن، تورغايلار ئويغانغان مەھەلدە مەپىلىك يولغا چىققان ئىككى يىگىت بالدۇرلا ئوپالغا يېتىپ كەلدى.

مەتبەئە

  • مەتبەئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەرپ، رەسىم قاتارلىقلاردىن بەت ھاسىل قىلىپ، ئۈستىگە ماي سۈرتكەندىن كېيىن قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىرىدىغان مەشغۇلات جەريانى.

مەتبەئەچى

  • مەتبەئەچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باسمىخانىلاردا بېسىش، نەشر قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ باسمىخانىدا ئىشلەيدىغان ئادەم، باسمىخانا خادىمى.

مەتبەئەچىلىك

  • مەتبەئەچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەشر بۇيۇملىرىنى بېسىپ تۈپلەش كەسپى.

مەتبۇئات

  • مەتبۇئات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① نەشرىيات ۋە باسمىخانا ئىشلىرى:[مىسال:] مەتبۇئات خىزمىتى. مەتبۇئات كەسپى.[يەشمىسى:] ② باسما ئەسەر، گېزىت-ژۇرنال، كىتاب قاتارلىقلار:[مىسال:] ئۇنىڭ ماقالىسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىندى.

مەتبۇئاتچى

  • مەتبۇئاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەتبۇئاتچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، مەتبۇئات خادىمى.

مەتبۇئاتچىلىق

  • مەتبۇئاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەتبۇئات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] خەلقنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ خەلقنىڭ مەتبۇئاتچىلىقىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

مەتلۇب

  • مەتلۇب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تەلەپ قىلىنغان، خالىغان، ئىستىگەن نەرسە؛ مەقسەت، تەلەپ:[مىسال:] ھەرنېچۈك شەرت ۋە مەتلۇبلىرى بولسا، شۇل چاغدا ئوتتۇرىغا قويغايلا، ھازىرەنلىككە لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ، ئازراق سوۋغات ئەۋەتتىم.

مەتۇ

  • مەتۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، ئەخمەق:[مىسال:] مەتۇ كىشى.

مەتۇرىدى

  • مەتۇرىدى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مەتۇرىدىلار مەزھىپىگە تەۋە كىشى.

مەتۇرىدىلار

  • مەتۇرىدىلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدىكى بىر مەزھەپ. قۇرغۇچىسى ئىمام ئەبۇ مەنسۇر مۇھەممەت مەتۇرىدى سەمەرقەندى. تۈركىي تىللار تۈركۈمىدىكى خەلقلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بۇ ئېتىقاد سىستېمىسىنى قوبۇل قىلغان.

مەتۇلۇق

  • مەتۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەخمەقلىق:[مىسال:] مەتۇلۇق قىلماق.

مەجاز

  • مەجاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] سۆز ۋە ئىبارىلەرنىڭ كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلىشى، يەنى كۆچمە مەنىلىك سۆز ئىبارە؛ كىنايە؛ مېتافورا، ئىستىئارە.

مەجازلىق

  • مەجازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەجازىي، مەجاز بويىچە:[مىسال:] ماجازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، شېئىردىكى ھېسسىيات كۈيىگە شېئىرنى ئوقۇغۇچى ئادەم ئۆز يۈرەك سازىنى تەڭكەش قىلىشتىن ئىبارەت.

مەجازىي

  • مەجازىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەجازغا ئائىت، كۆچمە، مېتافورىك:[مىسال:] مەجازىي مەنە.

مەجبۇر

  • مەجبۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ بۇيرۇقى، زورى، بېسىمى ياكى بىرەر نەرسىنىڭ تەققەززاسى قاتارلىقلار تۈپەيلى قانداقتۇر بىر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىش شەرت بولغان:[مىسال:] مەجبۇر بولماق. مەجبۇر قىلماق.

مەجبۇرەن

  • مەجبۇرەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەجبۇر بولۇپ ياكى مەجبۇر قىلىپ؛ مەجبۇرىيەت ئاستىدا، مەجبۇرىي ھالدا:[مىسال:] مەجبۇرەن ئىشلىمەك.

مەجبۇرلاشماق

  • مەجبۇرلاشماق[يەشمىسى:] «مەجبۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مېنى ھۆججەت يېزىشقا مەجبۇرلاشتى.

مەجبۇرلانماق

  • مەجبۇرلانماق[يەشمىسى:] «مەجبۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بالا-چاقىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چەك-چېگرا ئاجرىتىشقا مەجبۇرلانغانىدى.

مەجبۇرلۇق

  • مەجبۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەجبۇر قىلىش، زورلاش ياكى زورلىنىش ھالىتى.

مەجبۇرلىماق

  • مەجبۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قانداقتۇر بىر ئىش-ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشقا زورلىماق، مەجبۇر قىلماق:[مىسال:] ئۇلار مېنى ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىدى.

مەجبۇرىي

  • مەجبۇرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بېجىرىلىشى ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى شەرت بولغان، ئىختىيارىدىن تاشقىرى:[مىسال:] مەجبۇرىي مائارىپ.

مەجبۇرىي دەرىجە

  • مەجبۇرىي دەرىجە[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پېئىل دەرىجىلىرىنىڭ بىرى، يەنى مەلۇم گرامماتىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق جۈملىدىكى ھەرىكەتنىڭ گرامماتىكىلىق ئىگىسى شۇ ھەرىكەتكە تۈرتكە بولغۇچى ياكى يول قويغۇچى ئىكەنلىكى ئبپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە. مەسىلەن: ئوقۇ+ت=ئوقۇت، تاپ+تۇر=تاپتۇر، كۈت+گۈز=كۈتگۈز، بىل+دۈر=بىلدۈر. ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈملۈك پېئىللار بىلەن ئۆتۈمسىز پېئىللارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي دەرىجە شەكلىدە كېلەلەيدۇ. ئۆتۈمسىز پېئىللار مەجبۇرىي دەرىجىگە ئىگە بولغاندا ئۇلار ئۆتۈملۈك پېئىلغا ئايلىنىدۇ.

مەجبۇرىي مائارىپ

  • مەجبۇرىي مائارىپ[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] بەزى دۆلەتلەردە قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەلۇم ياشتىكى ئۆسمۈرلەرگە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەلۇم دائىرىدىكى ئومۇمىي تەربىيە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئەللەردە مەجبۇرىي مائارىپ مۇددىتى سەككىز-توققۇز يىلغا ئۇزارتىلدى.

مەجبۇرىيەت

  • مەجبۇرىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① زورلاش، مەجبۇرلاش ئاساسىدا قىلىنغان ياكى قىلىنىدىغان ئىش؛ مەجبۇرىي يوسۇندا زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپە، ئىش:[مىسال:] ئۇ يەردە يەنە قوشۇمچە دىنىي دەرس ئۆتۈشمۇ مەجبۇرىيەت ئىدى.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنىڭ بىرەر ئىشنى بېجىرىش، قىلىش ئۈچۈن بەرگەن قەتئىي ۋەدىسى ياكى ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە؛ بۇرچ:[مىسال:] پۇقرالىق مەجبۇرىيەت. مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالماق. مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماق.

مەجرۇھ

  • مەجرۇھ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يارىلانغان، جاراھەتلەنگەن، يارىدار:[مىسال:] خىزمەتچىلەردىن بىرقانچىسى شېھىت ھەم مەجرۇھ بولۇپ يېتىشاتتى.[يەشمىسى:] ② جىسمانىي جەھەتتە ئاجىز، زەئىپ؛ مېيىپ:[مىسال:] مەجرۇھ كۆز. مەجرۇھ ھەربىي.

مەجرۇھلانماق

  • مەجرۇھلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يارىلانماق:[مىسال:] ئۆزىدىنمۇ بەك مەجرۇھلانغان بىر قىزغا ھىمايە بولۇشتەك ئىنسانىي بەخت شادلىقى ئۇنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىن ياسىدى.[يەشمىسى:] ② مېيىپ بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئىش ئۈستىدە مەجرۇھلانماق.

مەجرۇھلۇق

  • مەجرۇھلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارىلانغانلىق، يارىدارلىق، ئاجىزلىق، زەئىپلىك:[مىسال:] مەجرۇھلۇق —قەلبى پاك بىر گۈدەكنىڭ ھايات خۇشاللىقىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ھايات ياشاشتىن، ئەجەل شەربىتىنى ئىچىشنى ئەلا كۆرۈشكە قىستايدۇ.

مەجلىس

  • مەجلىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەشكىلات، كارخانا، كوللېكتىپ ياكى ئىدارە ئەزالىرىنىڭ بىرەر مەسىلە، ئىش مۇھاكىمىسىگە بېغىشلانغان يىغىلىشى؛ يىغىن:[مىسال:] مەجلىسكە قاتناشماق. مەجلىس ئاچماق.

مەجلىسخانا

  • مەجلىسخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەجلىس ئاچىدىغان ئۆي ياكى زال.

مەجلىسداش

  • مەجلىسداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن بىرگە مەجلىسكە قاتناشقان كىشى:[مىسال:] ياخشى كىشىلەر بىلەن مەجلىسداش بولساڭ، سەنمۇ ياخشى كىشىلەردىن بولىسەن.

مەجلىسۋاز

  • مەجلىسۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەجلىسنى جىق ئېچىشنى ياخشى كۆرىدىغان، نېمە بولسا مەجلىس ئېچىش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئادەت قىلغان كىشى:[مىسال:] ئۇ باشلىق بولغاندىن كېيىن مەجلىسۋاز بولۇپ قالدىغۇ

مەجلىسۋازلىق

  • مەجلىسۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەجلىس ئېچىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقى بىلەن ھېسابلاشماي مەجلىسنى تولا ئېچىۋېرىش، مەجلىسنى تولا ئېچىشقا ئامراقلىق:[مىسال:] مەجلىسۋازلىق قىلماق.

مەجنۇن

  • مەجنۇن[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشق ئوتى نەتىجىسىدە سەۋدايى، تەركىدۇنيا بولغان كىشى:[مىسال:] ئانا، دەپتۇ قەمەر كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭگە مەلۇمكى، ئىلگىرىمۇ بىر گۈزەل يىگىتنى ماڭا ئەۋەتكەنىدىڭ. بىر كۆرۈشۈم بىلەنلا ئەقلى-ھوشۇمنى يوقىتىپ مۇھەببەت مەجنۇنى بولۇپ قالغانىدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقلىنى يوقاتقان، ئەقلىدىن ئازغان، ئاداشقان؛ ساراڭ:[مىسال:] مۇھەممەت بىننى بىركۈنى شاگىرتلىرى بىلەن مەھەللە ئىچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، تاسادىپىي ئالدىدىن بىر مەجنۇن ئادەم چىقىپ كېلىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قاراپ كۈلۈپتۇ.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مەجنۇنتال

  • مەجنۇنتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مەجنۇن+تال[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ.

مەجنۇنتاللىق

  • مەجنۇنتاللىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەجنۇنتال بار، مەجنۇنتاللىق ئۆستۈرۈلگەن، تىكىلگەن:[مىسال:] مەجنۇنتاللىق يول.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەجنۇنتال بار ياكى مەجنۇنتال كۆپ ئۆستۈرۈلگەن يەر:[مىسال:] قىز-يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى مەجنۇنتاللىققا سەگىدىگىلى كېتىشتى.

مەجنۇنلارچە

  • مەجنۇنلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەجنۇنلارغا ئوخشاش، ساراڭلارچە:[مىسال:] مەجنۇنلارچە ئىش قىلماق. مەجنۇنلارچە يۈرمەك.

مەجنۇنلۇق

  • مەجنۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەۋدايىلىق؛ ساراڭلىق:[مىسال:] بەزىدە مەجنۇنلۇق روھىي ھالىتى قاپلىسا، كۆرۈنمەس كۆزۈڭگە خەنجەر. مەي ئەمەس دېسىمۇ پىيالىدىكى، ئىچىسەن بولسىمۇ ھەتتاكى زەھەر.

مەجمۇئە

  • مەجمۇئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر تەرتىپتە توپلانغان تېكىستلەر، مەلۇمات ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى؛ توپلام:[مىسال:] شىرە ئۈستىگە ھەر خىل ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ژۇرنال قاتارلىق مۇددەتلىك مەجمۇئەلەر قويۇلغانىدى.

مەجھۇل

  • مەجھۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] نامەلۇم، نائېنىق:[مىسال:] مەجھۇل سان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتى جۈملىنىڭ ئۆزىگە چۈشىدىغان ياكى ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى نامەلۇم بولغان:[مىسال:] مەجھۇل پېئىل. مەجھۇل دەرىجە.

مەجھۇل دەرىجە

  • مەجھۇل دەرىجە[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پېئىل دەرىجىلىرىنىڭ بىرى. پېئىللارنىڭ مەلۇم گرامماتىكىلىق شەكلى ئارقىلىق جۈملىدىكى ھەرىكەتنىڭ گرامماتىكىلىق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەسلىي ھەرىكەتنىڭ لوگىكىلىق ئوبيېكتى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە.

مەجھۇل سان

  • مەجھۇل سان[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] «نامەلۇم سان»غا قاراڭ.

مەجۇسىي

  • مەجۇسىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا مەنسۇپ كىشى، ئاتەشپەرەس.

مەجۇسىيەت

  • مەجۇسىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوتقا چوقۇنۇش، ئاتەشپەرەسلىك.

مەجۇسىيلىق

  • مەجۇسىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتقا چوقۇنۇش پائالىيىتى، مەجۇسىيەت:[مىسال:] غەربىي شىمالىي ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان مەجۇسىيلىق ياكى زەردۇشتلۇق (ئوتپەرەسلىك) دىنى ۋە دەسلەپكى شامان دىنىمۇ ئۇيغۇرلاردىكى مۇشۇ كۆز قاراشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئېھتىمالىغا ناھايىتى يېقىن.

مەجۈج

  • مەجۈج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي قاراش بويىچە، ئاخىر زاماندا چىقىپ، ئەلگە كۆپ خارابلىق يەتكۈزىدىغان ۋە زۇلۇم سالىدىغان ئىككى قوۋمنىڭ پاكار بويلۇق بولغانلىرى.

مەجۈن

  • مەجۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] خېمىر ھالىتىدىكى دورىلار.[يەشمىسى:] ② ئەپيۈن، نەشە بىلەن ياسىلىدىغان مەست قىلىش رولىغا ئىگە زەھەرلىك دورا.

مەجىگە

  • مەجىگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] باچكا، كەپتەر بالىسى.

مەخپىي

  • مەخپىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزگىگە بىلدۈرمەيدىغان، باشقىلاردىن سىر تۇتىدىغان، خۇپىيانە، يوشۇرۇن:[مىسال:] مەخپىي بەلگە. مەخپىي رېتسىپ. مەخپىي ھۆججەت. مەخپىي ئالاقە. مەخپىي ئۇچرىشىش. مەخپىي سۆھبەت.

مەخپىيەت

  • مەخپىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا بىلدۈرۈلمەيدىغان، ئاشكارىلانمايدىغان ئىش، ھەرىكەت؛ سىر؛ مەخپىيلىك:[مىسال:] مەخپىيەتنى ئاشكارىلاپ قويماق. مەخپىيەتنى ساقلىماق.

مەخپىيەتلىك

  • مەخپىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخپىي ئىش-ھەرىكەت، مەخپىي خىزمەت، مەخپىيەت:[مىسال:] مەخپىيەتلىكنى ساقلىماق.

مەخپىيلەشتۈرمەك

  • مەخپىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مەخپىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مەخپىيلەشمەك

  • مەخپىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەخپىي ھالەتكە كەلمەك، مەخپىي ئىشلەشكە، قىلىشقا توغرا كەلمەك؛ مەخپىي بولۇپ قالماق.

مەخپىيلىك

  • مەخپىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخپىي ھالەت، يوشۇرۇنلۇق:[مىسال:] بەقرات بۇ ئىلىمنى مەخپىيلىكتىن ئاشكارا قىلىپ، ئۆگىنىشنى خالىغانلار، مەيلى ئۇلار كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا ئۆگەتتى.

مەخرەج

  • مەخرەج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر كەسىر ساندىكى توغرا سىزىقنىڭ ئاستىغا يېزىلغان سان. مەسىلەن، [SX(]1[]3[SX)] دىكى 3 مەخرەجدۇر.

مەخرەجلىك

  • مەخرەجلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەخرىجى بار، مەخرەجگە ئىگە:[مىسال:] ئومۇم مەخرەجلىك ئاددىي كەسىرلەر.

مەخسۇس

  • مەخسۇس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى نەرسە ئۈچۈنلا ئاتالغان ۋە شۇنىڭغا خاس بولغان، بىرەر ئىش ياكى مەقسەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن؛ خاس:[مىسال:] مەخسۇس قاچا. مەخسۇس ماشىنا. مەخسۇس ۋەزىپە. مەخسۇس سان. مەخسۇس مۇخبىر. مەخسۇس ئايروپىلان. مەخسۇس كەسىپ. مەخسۇس بەت.

مەخسۇسلاشتۇرماق

  • مەخسۇسلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مەخسۇسلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ناھىيىمىزدە بۇغالتىرلىقنى مەخسۇسلاشتۇرۇش خىزمىتى يولغا قويۇلدى.

مەخسۇسلاشتۇرۇلماق

  • مەخسۇسلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مەخسۇسلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ناھىيىدە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا خادىملىرى خېلىلا مەخسۇسلاشتۇرۇلدى.

مەخسۇسلاشماق

  • مەخسۇسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەخسۇس ھالەتكە كەلمەك، خاسلاشماق:[مىسال:] مەخسۇسلاشقان قۇۋۋەت.

مەخسۇم

  • مەخسۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي ئۆلىمالارنىڭ بالىلىرى.

مەخسۇمچە

  • مەخسۇمچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەخسۇمغا ئوخشاش، مەخسۇمدەك.

مەخلۇق

  • مەخلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىنسان ۋە پۈتۈن جانىۋارلارنىڭ، تىرىك مەۋجۇداتلارنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] زور مەخلۇق. ئىككى كۆزلۈك مەخلۇق. * بىزگە مەلۇم، ئادەم ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مەخلۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرنەرسىگە ئوخشىمايدىغان، خۇنۈك ياكى ئەخلاقسىز، نىيىتى يامان ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان، ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەرنى كەمسىتىپ ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] مەن مۇشۇ مەخلۇق بىلەن قانداقمۇ بىر قورساقتا يېتىپ، ئانامنىڭ ئاق سۈتىنى بىللە ئەمگەن بولغىيدىم.

مەخلۇقات

  • مەخلۇقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بارلىق مەخلۇقلار:[مىسال:] ئادەم بولسا، پۈتۈن دۇنيادىكى مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ئەزىزىدۇر.

مەخمەل

  • مەخمەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۈزىدە تەكشى ھالەتتىكى قىسقا ھەم زىچ تىۋىتلىرى بولغان پاختا توقۇلما رەخت.

مەخمەلگۈل

  • مەخمەلگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مەخمەل+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە مەنزىرە ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەدەت

  • مەدەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ماددىي ياكى مەنىۋى ياردەم، يار-يۆلەك:[مىسال:] مەدەت ئالماق. مەدەت بەرمەك. مەدەت تىلىمەك. مەدەت بولماق.

مەدەتكار

  • مەدەتكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەدەت بەرگۈچى، يار-يۆلەك بولغۇچى، ياردەم بەرگۈچى، قوللىغۇچى:[مىسال:] توپ ئىچىدىن بىرقانچە كىشى ماڭا مەدەتكار بولۇشتى.

مەدەتكارلىق

  • مەدەتكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەدەت بېرىش، يار-يۆلەك بولۇش؛ ياردەم:[مىسال:] چوڭ ئوغلۇمنى شۇلارنىڭ مەدەتكارلىقى بىلەن بانكىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانمەن.

مەدەتلەندۈرمەك

  • مەدەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «مەدەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىچىك-پىچىك دەپ تۇرىۋەرمەي، ھېلىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك، مەدەتلەندۈرۈپ سۆزلىدى ئابدۇللا.

مەدەتلەنمەك

  • مەدەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەدەت ئالماق، مەدەتكە ئېرىشمەك:[مىسال:] موللىلار كۆرمەي ئۇنى تىرناقچىلىك، يولۋاسنىڭ ئالدىدىكى ئوغلاقچىلىك. تېخىمۇ گىدىيىپتۇ جۈرئەتلىنىپ، ھەم بەگنىڭ سۆلىتىدىن مەدەتلىنىپ.

مەدەستان

  • مەدەستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. تەركىبى پلۇمبۇم ئوكسىد. بۇ بىر خىل سېرىق ياكى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك كرىستال ھالىتىدىكى پاراشوك بولۇپ، تېببىي دورىگەرلىكتە تېرە سىرتىغا سۈرتۈلسە، تېرىنى قورۇپ قان توختىتىدۇ؛ سانائەتتە باتارىيە ۋە بوياق قاتارلىقلار ئۈچۈن ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

مەدەك

  • مەدەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆممىقوناق بېشىنىڭ دېنىنى ئۇۋاپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن قالغان قىسمى.

مەدەن

  • مەدەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر ئاستىدىكى تۈرلۈك كان بايلىقلىرى.

مەدەنىيەت

  • مەدەنىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەت تارىخى تەرەققىياتى جەريانىدا ياراتقان ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، ئۇتۇقلىرى. ئادەتتە ئۇ كۆپرەك مەنىۋى بايلىقلارنى يەنى ئەدەبىيات-سەنئەت، مائارىپ، ئىلىم-پەن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا، سىنىپ ياكى خەلقنىڭ مەلۇم دەۋردە قولغا كەلتۈرۈلگەن شۇنداق ئۇتۇقلىرىنىڭ دەرىجىسى:[مىسال:] سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت. پرولېتارىيات مەدەنىيىتى. بۇرژۇئازىيە مەدەنىيىتى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوخشاش بىر تارىخىي دەۋردە، تارقىلىش نۇقتىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە قارىماستىن ساقلىنىپ قالغان خارابە ئىزلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى.[يەشمىسى:] ④ يېزىق ئىشلىتىش قابىلىيىتى، ئومۇمىي ساۋات؛ تەلىم-تەربىيە كۆرگەنلىك، زىيالىيلىق؛ مەرىپەت:[مىسال:] مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالماق. مەدەنىيەت ئۆگىنىشى. مەدەنىيەت سەۋىيىسى.

مەدەنىيەتپەرۋەر

  • مەدەنىيەتپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەدەنىيەتنى، يېڭىلىقنى، ئىلغارلىقنى ھىمايە قىلىدىغان، ياقلايدىغان كىشى؛ مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلغۇچى، يېڭىلىق تەرەپدارى:[مىسال:] مەدەنىيەتپەرۋەرلەر قوشۇنى شەكىللەندى.

مەدەنىيەتپەرۋەرلىك

  • مەدەنىيەتپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەدەنىيەتنى، يېڭىلىقنى، ئىلغارلىقنى ھىمايە قىلىش، ياقلاش، مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىش.

مەدەنىيەتسىز

  • مەدەنىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەدەنىيىتى يوق، مەدەنىيەت ئىگىلىمىگەن، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان؛ مەرىپەتسىز:[مىسال:] مەدەنىيەتسىز ئادەم. مەدەنىيەتسىز مىللەت.

مەدەنىيەتسىزلىك

  • مەدەنىيەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەدەنىيىتى يوقلۇق، مەدەنىيەت ئىگىلىمىگەنلىك، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغانلىق، مەرىپەتسىزلىك:[مىسال:] مۇشۇ دەۋردە بىر مىللەت ئۈچۈن مەدەنىيەتسىزلىك يامان ئىللەت.

مەدەنىيەتلىك

  • مەدەنىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەدەنىيىتى بار، مەدەنىيەتكە ئېرىشكەن، مەدەنىيەت ئىگىلىگەن، تەربىيە كۆرگەن؛ مەرىپەتلىك:[مىسال:] مەدەنىيەتلىك ئادەم. مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچىلەر.

مەدەنىي

  • مەدەنىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەدەنىيەتكە ئائىت، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى؛ مەدەنىيەت، ئىلىم-مەرىپەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] مەدەنىي ئىنقىلاب. مەدەنىي مىراس. مەدەنىي بۇيۇم. مەدەنىي يادىكارلىقلار.[يەشمىسى:] ② مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەتلىك؛ مەدەنىيەتنى ئىگىلىگەن، ئوقۇغان، ئوقۇمۇشلۇق:[مىسال:] مەدەنىي مىللەت. مەدەنىي خەلق. مەدەنىي ئادەم.

مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى

  • مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى[يەشمىسى:] 1930 — 1940-يىللاردا شىنجاڭدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان، مەدەنىي ئاقارتىش ئىشلىرىنى يەنى خەلق باشقۇرغان مەكتەپ، كىنو-تىياتىر، سەنئەت قاتارلىقلارنى باشقۇرغان ئاممىۋى تەشكىلات.

مەدەنىيلەشتۈرمەك

  • مەدەنىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مەدەنىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يېزىلارنى مەدەنىيلەشتۈرمەك.

مەدەنىيلەشمەك

  • مەدەنىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەدەنىيەت ئىگىلىمەك، مەدەنىيەتلىك بولماق:[مىسال:] ئۇ يەرنىڭ يېزا ئاھالىلىرى بىرقانچە يىلدىن بېرى خېلىلا مەدەنىيلىشىپ قاپتۇ.

مەدەنىيلىك

  • مەدەنىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت ئىگىلىگەن ھالەت:[مىسال:] ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىمۇ بارغانسېرى مەدەنىيلىككە قاراپ يۈزلەندى.

مەدداھ

  • مەدداھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بازار ۋە كوچا-كويلاردا ئادەم توپلاپ دىنىي مەزمۇنلاردىكى بەزى پەند-نەسىھەت سۆزلىرىنى ياكى تارىخىي قىسسە، جەڭنامىلەرنى سۆزلەيدىغان كىشى:[مىسال:] زۇنۇن قادىر كىچىكىدىن باشلاپلا خەلق داستانلىرى ۋە چۆچەكلىرىنى، مەدداھلارنىڭ قىسسە ۋە جەڭنامىلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] سەلب.[يەشمىسى:] ئاغزى بېسىلماي گەپ قىلىدىغان، گەپنى تولا قىلىدىغان ئادەم، مەمەدان.

مەدداھلارچە

  • مەدداھلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەدداھلارغا خاس، مەدداھلارغا ئوخشاش، مەدداھلاردەك:[مىسال:] مەدداھلارچە سۆزلىمەك.

مەدداھلىق

  • مەدداھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بازار ۋە كوچا-كويلاردا ئادەم توپلاپ دىنىي مەزمۇنلاردىكى بەزى پەند-نەسىھەت ياكى جەڭنامە، قىسسە قاتارلىقلارنى سۆزلەش:[مىسال:] ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-قوشاق ئېيتىش ۋە مەدداھلىق ئادەتلىرىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەمەدانلىق، گەپ يورغىلىتىش، گەپ ئوينىتىش:[مىسال:] سەن تولا مەدداھلىق قىلما.

مەددە

  • مەددە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ئىت، مۈشۈك، چوشقا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تېنىدە پارازىت ياشايدىغان سازاڭسىمان بىر خىل قۇرت.

مەدرىسە

  • مەدرىسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىسلام دىنى بويىچە ئىلىم ھاسىل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ، بىلىم ئېلىش ئورنى:[مىسال:] ئەسلى بۇ بەگ چوڭ تەيجىنىڭ ئوغلى بولۇپ، موللا نىياز بىلەن مەدرىسىدە بىللە ئوقۇغانىدى.

مەدھىيە

  • مەدھىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشى، نەرسە ۋە شۇنىڭدەك بىرەر ۋەقە، ئىشنى ماختاپ يېزىلغان، ئوقۇلغان شېئىر ياكى نۇتۇق؛ ماختاش سۆزى:[مىسال:] مەدھىيە ئوقۇماق. ۋەتەنگە مەدھىيە. ئەلگە مەدھىيە.

مەدھىيىچى

  • مەدھىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەدھىيە ئوقۇغۇچى؛ ماختىغۇچى.

مەدھىيىلەتمەك

  • مەدھىيىلەتمەك[يەشمىسى:] «مەدھىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مەدھىيىلەشمەك

  • مەدھىيىلەشمەك[يەشمىسى:] «مەدھىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان يولداشلار ئۆزلۈكىدىن مۇرات توغرا قىلغان، ياخشى قىلغان دەپ مەدھىيىلىشەتتى.

مەدھىيىلەنمەك

  • مەدھىيىلەنمەك[يەشمىسى:] «مەدھىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مۇرات دوختۇرنىڭ نامى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە مەدھىيىلىنىپ تارقالدى.

مەدھىيىلىمەك

  • مەدھىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەدھىيە ئوقۇماق، ماختىماق:[مىسال:] ئۇلۇغ ۋەتەننى مەدىيىلىمەك.

مەدھىيىنامە

  • مەدھىيىنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر كىشى، ۋەقە ياكى نەرسىگە ئاتاپ ئوقۇلغان، يېزىلغان مەدھىيە.

مەدىكار

  • مەدىكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا ياللىنىپ كۈنلۈك ئىشلىگۈچى كىشى، كۈنلۈكچى:[مىسال:] مەدىكار بولۇپ ئىشلىمەك.

مەدىكارچىلىق

  • مەدىكارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مەدىكارلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] بەزىدە، ئامالنىڭ يوقىدا كىشىلەرگە بىرنەچچە كۈن مەدىكارچىلىق قىلىپ ئىشلەپمۇ قوياتتۇق.

مەدىكارلارچە

  • مەدىكارلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەدىكارلارغا خاس، مەدىكارلارغا ئوخشاش، مەدىكارلارنىڭ ئورنىدا، مەدىكارلاردەك:[مىسال:] مەدىكارلارچە ئىشلىمەك.

مەدىكارلىق

  • مەدىكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ياللىنىپ قىلىدىغان ئىش، مەدىكارچىلىق:[مىسال:] مەدىكارلىق قىلماق.

مەرئا

  • مەرئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوز يەر، ئېچىلمىغان، تېرىلمىغان يەر.

مەرەپكە

  • مەرەپكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەققاشچىلىقتا، قوپۇرۇلغان ئورۇنلارنى كېڭەيتىش ياكى ئۇنى تارايتىش ئۈچۈن ئۆتكۈنچى قىلىپ قويۇلىدىغان شەكىل.

مەرەتمەك

  • مەرەتمەك[يەشمىسى:] «مەرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەي، بالام، قوينى ئاچ قويۇپ مەرەتكۈچە، ئوت بەرسەڭ بولمامدۇ دېدى ئانىسى.

مەرەز

  • مەرەز[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىرىڭلىغان، ئاسان ساقايمايدىغان، يىرىڭلىق يارا، جاراھەت:[مىسال:] غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەس، ئىپلاس، يارىماس؛ رەزىل:[مىسال:] بۇلاردىن گۇمانىم كۈچىيىپ، شۇ ئىپلاسنىڭ مەرەز قولى تەگدىغۇ، دەپ ئويلاپ يۈردۈم.

مەرەزدار

  • مەرەزدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەرەز چىققان، مەرەز باسقان:[مىسال:] ھاپىتىغا شاپىتىدۇر، توڭرۇلۇققا مەرەزداردۇر، مەنسۇر بەگكە پار كەلگۈدەك ئۆز قۇرامى بىرسى باردۇر.

مەرەشمەك

  • مەرەشمەك[يەشمىسى:] «مەرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئامانقۇل بايىقى قىز بىلەن يۇرت ئىچىگە كىرگەندە، ئاندا-ساندا چىراغلار يېنىپ، ئىتلار ھاۋشىماقتا، قوي-قوزىلار مەرەشمەكتە ئىدى.

مەرەم

  • مەرەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مۇراسىم، بايرام.

مەرپە

  • مەرپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىچاقنىڭ قوۋۇرغىسىنىڭ ئاستىدىن بىسىغىچە بولغان يانتۇلۇق.

مەرتە

  • مەرتە[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] «مەرتەم»گە قاراڭ:[مىسال:] بىر مەرتە. ئىككى مەرتە.

مەرتەم

  • مەرتەم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قېتىم، نۆۋەت:[مىسال:] بىر مەرتەم. ئۈچ مەرتەم.

مەرتەم-مەرتەم

  • مەرتەم-مەرتەم[يەشمىسى:] «مەرتەم» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] مەرتەم-مەرتەم ئۈچ مەرتەم، دەپتىكەن.

مەرتەم-مەرتەم ئۈچ مەرتەم

  • مەرتەم-مەرتەم ئۈچ مەرتەم[يەشمىسى:] بەزىبىر ئىشلارنى ئۈچ قېتىم قىلىشقا بولىدىغانلىقى ياكى ئۈچ قېتىمغا يول قويۇلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئادەت سۆزى:[مىسال:] بوپتۇ، مەرتەم-مەرتەم ئۈچ مەرتەم، دەپتىكەن. يەنە بىر مەرتەم ئەۋەتىپ كۆرەي.

مەرتىۋەⅠ

  • مەرتىۋەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جەمئىيەتتە، كىشىلەر ئارىسىدا ئېرىشكەن ئابرۇي، ئېتىبار، نوپۇز؛ ئىناۋەت:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ قارنى-كۆكسىنىڭ كەڭلىكى، توغرا سۆزلۈكلۈكى بىلەن كىشىلەر ئىچىدە مەرتىۋە قازاندى.[يەشمىسى:] ② مەنسەپ، ئەمەل:[مىسال:] مەرتىۋىسى ئۆسمەك. مەرتىۋىسى چۈشمەك.

مەرتىۋەⅡ

  • مەرتىۋەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قېتىم، نۆۋەت، مەرتە:[مىسال:] زاسۈيپەز سادىقنى بىر ئىككى مەرتىۋە چاقىرىپ، ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن، ئاستا بېرىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.

مەرتىۋىسىز

  • مەرتىۋىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرتىۋىسى يوق، مەرتىۋىگە ئېرىشمىگەن، مەرتىۋىگە ئىگە بولمىغان؛ مەنسەپ، ئەمەل تۇتمىغان:[مىسال:] مەرتىۋىسىز كىشى. مەرتىۋىسىز ئائىلە. ∥مەرتىۋىسىز ھېسابلانماق.

مەرتىۋىلىك

  • مەرتىۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرتىۋىسى بار، مەرتىۋىگە ئېرىشكەن؛ مەنسەپدار، ئەمەلدار:[مىسال:] مەرتىۋىلىك ئادەم.

مەرد

  • مەرد[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئېيتقان گېپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان، ئۆز گېپىگە ئىگە بولىدىغان:[مىسال:] مەرد ئادەم. * مەردنى مەيداندا سىنا (ماقال).[يەشمىسى:] ② قورقۇشنى بىلمەيدىغان، قورقماس، باتۇر، يۈرەكلىك، مەردانە:[مىسال:] مەرد ئوغلانلار. * مەرد بولساڭ مەيدانغا چىق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ پۇلنى دوست تۇتمايدىغان، قولى ئوچۇق؛[يەشمىسى:] سېخىي:[مىسال:] مەرد يىگىت. مەرد كىشى. * مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن (ماقال).

مەردلەرچە

  • مەردلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەردلەردەك، مەردلەرگە ئوخشاش، مەردلىك بىلەن:[مىسال:] ئۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ياشلار ئانا يەر ئۈچۈن مەردلەرچە قۇربان بولدى.

مەردلىك

  • مەردلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەرد كىشىلەرگە خاس مىجەز-خاراكتېر ياكى ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت:[مىسال:] مەردلىك قىلماق. مەردلىك بىلەن قۇربان بولماق. مەردلىك بىلەن پۇل خەجلىمەك.

مەردانە

  • مەردانە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەردلەرچە، مەردلىك بىلەن، مەردلەرگە ئوخشاش:[مىسال:] مەردانە ئىلگىرىلىمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەردلەرگە، باتۇرلارغا خاس:[مىسال:] ساخاۋەت داد-پەرياد كۆتۈرمەي، مەردانە قىياپەتتە تىك تۇرۇپتۇ. * سۇلتان مىرغەزەپنىڭ مەردانە ئاۋازى گۈركىرەپ تۇرغان بوراننىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ كەتتى.

مەردانىلارچە

  • مەردانىلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مەردلەرچە»گە قاراڭ:[مىسال:] كونا ئاداۋەتلەرنى تۈگىتىپ، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، سائادەت يارىتىش يولىدا مەردانىلارچە ئىلگىرىلەيدىغان زامان كەلدى، دېدى ئۇ.

مەردانىلىك

  • مەردانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەردلىك:[مىسال:] مەردانىلىك بىلەن جاۋاب بەرمەك. مەردانىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماق.

مەردەشمەك

  • مەردەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] باغلاشماق، شەرتلەشمەك.

مەردەك

  • مەردەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېيىق كۈچۈكى.

مەردىمەيدان

  • مەردىمەيدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جەڭ مەيدانىدىكى قەھرىمان، مەرد، مەردلەرنىڭ مەردى؛ ھەقىقىي مەرد؛ باتۇر:[مىسال:] چۈشەركەن ئىشقى سەۋداسى بېشىڭغا، مەردىمەيدان بول، سۇباتلىق بولمىساڭ سۆيگۈ داۋانى ئاشقىلى بولماس.

مەررە

  • مەررە[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قېتىم، مەرتەم، نۆۋەت:[مىسال:] ئۇنىڭغا مىڭ مەررە ئۆلۈم تىلىگەن ئەمەسمىدى

مەرزەڭگە

  • مەرزەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپقا تىزىلغان ئۈنچە ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەر:[مىسال:] مەرزەڭگە بادام دوپپا.

مەرزەنجۈش

  • مەرزەنجۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن تېپىلىدۇ. يەر ئۈستى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل. يۆتەل توختىتىش، دەم سىقىلىشنى بېسىش رولىغا ئىگە.

مەرسىيە

  • مەرسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىرەر شەخسنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ يېزىلغان ماتەم شېئىرى ياكى ماتەم ناخشىسى:[مىسال:] مەرسىيە ئوقۇماق. مەرسىيە ئېيتماق.

مەرغۇپ

  • مەرغۇپ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى جەلپ قىلىدىغان، كۆڭۈلگە ياقىدىغان، يېقىملىق، ئېسىل:[مىسال:] پادىشاھمۇ بۇ مەسلىھەتكە ماقۇل بوپتۇ-دە، 40 قېچىر ھەر خىلدىكى قىممەت باھالىق مەرغۇپ ماللاردىن چابدۇپ ئوغلىنى يولغا سالماقچى بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مەرغۇل

  • مەرغۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ① مۇقام مۇزىكىلىرىدىكى بىر نەغمە شەكلىدىن ئىككىنچى نەغمە شەكلىگە ئۆتۈشتىكى مۇزىكا. ئۇ نەزمىسىز بولۇپ، ئۆز ئالدىغا بىر نەغمە شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ چۈشۈرگىسىدە ئىلگىرىكى نەغمىنىڭ ئاخىرقى بېيىتى تەكرارلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② ناخشا باشلىنىش ئالدىدا چېلىنىدىغان ئۇششاق مۇزىكا؛ پائۇزا.

مەرغۇلسىز

  • مەرغۇلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرغۇلى يوق؛ مەرغۇللانمايدىغان:[مىسال:] جۇلا مەرغۇلسىز، جۇلانىڭ نەغمىلىرى بىر ياكى ئىككى غەزەل ھەجمىدە بولىدۇ.

مەرغۇللاتماق

  • مەرغۇللاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇزىكىدا، ئاساسەن باش بارماق بىلەن بىرىنچى بارماق ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بارماق قوللارنى تار ئۈستىدىن تۆۋەنگە ھەم يۇقىرىغا يېنىك ھەرىكەتلەندۈرۈپ ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۇلىماق، تىترەتمەك:[مىسال:] مەرغۇللىتىپ چالماق.

مەركەز

  • مەركەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى خالىغان بىر نۇقتا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۆزئارا تەڭ بولغان ئوتتۇرا نۇقتىسى؛ قاپ ئوتتۇرىسى:[مىسال:] چەمبەر مەركىزى. شار مەركىزى. ئېغىرلىق مەركىزى. مەركەزدىن قاچما كۈچ. مەركەزگە ئىنتىلگۈچى كۈچ.[يەشمىسى:] ② ئاھالە ياشايدىغان جاينىڭ مەمۇرىي بىنالار، سودا ۋە مۇئەسسەسەلەر ئورۇنلاشقان ئاساسىي قىسمى:[مىسال:] شەھەر مەركىزى. قىشلاق مەركىزى.[يەشمىسى:] ③ پايتەخت:[مىسال:] بۇلتۇر ئەتىيازدا مەركەزدە مەخسۇس ئورمانچىلىق يىغىنى ئېچىلدى.[يەشمىسى:] ④ مەملىكەت ياكى ئۆلكىنىڭ سانائەت، مەدەنىيەت ياكى باشقا بىرەر ساھەسىدە ئاساسىي ئورۇن تۇتقان شەھىرى، ئاھالە ياشايدىغان يىرىك جايى:[مىسال:] ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.[يەشمىسى:] ⑤ دۆلەت ياكى پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى:[مىسال:] زالدا مەركەزنىڭ يەرلەرنى دېھقانلارغا كۆتۈرە بېرىش ھەققىدىكى ھۆججىتى ئاڭلىتىلدى.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر پائالىيەت ساھەسىدە ئاساسىي ئىش ئېلىپ بېرىلىدىغان جاي:[مىسال:] تەتقىقات مەركىزى. تەرجىمە مەركىزى. خەۋەرلىشىش مەركىزى.[يەشمىسى:] ⑦ ئىش ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي ھالقىسى، تۈگۈنى:[مىسال:] خىزمەتنىڭ مەركىزى. مەسىلىنىڭ مەركىزى.[يەشمىسى:] ⑧ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىئول<[يەشمىسى:] نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئورگانىزمنىڭ بىرەر پائالىيىتىنى باشقۇرىدىغان مەلۇم گۇرۇپپىلىرى:[مىسال:] ھەرىكەت مەركىزى. مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋا.

مەركەزچىلىك

  • مەركەزچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر مەركەزگە يۈكسەك دەرىجىدە بويسۇنۇش؛ مەلۇم مەركەزنى ئاساس قىلىش:[مىسال:] پارتىيىمىز خەلق دېموكراتىيىسىنى، دېموكراتىك كوللېكتىپچىلىقنى ياكى دېموكراتىك مەركەزچىلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دېموكراتىك شەخسىيەتچىلىككە قارشى تۇرىدۇ.

مەركەزداش

  • مەركەزداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر مەركەزگە قارايدىغان، مەركىزى بىر:[مىسال:] باكتېرىئوفاگ دېغىنىڭ بەزىلىرى گەردىش شەكلىدە كېلىدۇ. بەزىلىرى كۆپ قەۋەتلىك مەركەزداش چەمبەرگە ئوخشايدۇ.

مەركەزلەشتۈرمەك

  • مەركەزلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مەركەزلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دىققەت-ئېتىبارىنى ئاۋۇ يانتاق تۈۋىدە تۇرغان 13 ياشلار چامىسىدىكى بالىنىڭ يوغان كۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەنىدى.

مەركەزلەشتۈرۈشمەك

  • مەركەزلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «مەركەزلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مەركەزلەشتۈرۈلمەك

  • مەركەزلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مەركەزلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن بارلىق زىددىيەتلەر 24 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلىككە مەركەزلەشتۈرۈلگەن.

مەركەزلەشمەك

  • مەركەزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر مەركەزگە ئۇيۇشماق، بىرلەشمەك؛ بىر جايغا توپلانماق، يىغىلماق:[مىسال:] مۇنداق شارائىتتا مەركەزلەشكەن كۈچ پارچىلىنىپ ئاجىزلايتتى.[يەشمىسى:] ② بىر نۇقتىغا يىغىلماق، بىر نۇقتىغا چۈشمەك؛ تىكىلمەك:[مىسال:] چىراغنىڭ نۇرى مەركەزلىشىپ، بىردىنلا يالتىرايتتى.

مەركەزلىك

  • مەركەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەركەز قىلغان، بىر نۇقتىغا قاراتقان؛ نۇقتىلىق:[مىسال:] جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى شۇ جاينىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلىپ، مەركەزلىك ھالدا بىرنەچچە قېتىم زەربە بەردى.

مەركىزىت

  • مەركىزىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] كۆڭلەك قاتارلىق ئىچ كىيىملەرنى تىكىشكە مۇۋاپىق قىلىپ، ئىچىگە يىپ ياكى يىپەك ئېلىنىپ توقۇلغان بىر خىل سىپتا رەخت.

مەركىزىي

  • مەركىزىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① مەركەزگە ئائىت، مەركەزدىكى:[مىسال:] مەركىزىي نۇقتا.[يەشمىسى:] ② مەركىزىگە، دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان:[مىسال:] شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونى. مەركىزىي كوچا.[يەشمىسى:] ③ ئاساسىي، ئاساسلىق، مۇھىم؛ نۇقتىلىق:[مىسال:] مەركىزىي مەسىلە. مەركىزىي خىزمەت.[يەشمىسى:] ④ ئۆزىدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنى باشقۇرىدىغان؛ باش:[مىسال:] مەركىزىي ھۆكۈمەت. مەركىزىي ئورگان. مەركىزىي كومىتېت.

مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى

  • مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى. ئۇ مېڭە بىلەن يۇلۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەركىزىي ۋاقىت رايونى

  • مەركىزىي ۋاقىت رايونى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدىن كېسىپ ئۆتكەن نۆل گرادۇسلۇق مېرىدىئان (مەركىزىي مېرىدىئان) ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدىغان ۋاقىت رايونى. ئۇ «گىرنىۋىچ ۋاقىت رايونى» دەپ ئاتىلىدۇ. خەلقئارادا ۋاقىت ھېسابلاش ياكى ۋاقىتنى توغرىلاشتا نۆل گرادۇسلۇق مېرىدىئان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

مەرگەن

  • مەرگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوقنى دەل نىشانغا تەگكۈزىدىغان، قارىغا ئېتىشقا ئۇستا ئادەم:[مىسال:] كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس (ماقال).

مەرگەنلىك

  • مەرگەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوقنى نىشانغا دەل تەگكۈزۈش ماھارىتى، قارىغا ئېتىشقا ئۇستىلىق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ مەرگەنلىكىمۇ ۋە ھېلىقى سوغۇر تۆشۈكلىرىمۇ ئۆزىگە ئەسقاتماي قالىدۇ دەپ ئويلايمەن.

مەرگىمۇش

  • مەرگىمۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «سەنكىيا»غا قاراڭ.

مەرمەر

  • مەرمەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئاينىغان جىنس. ھاك تاش، دولومىت قاتارلىقلار تېگىپ ئاينىش ياكى رايونلۇق ئاينىش تەسىرىدە قايتا كرىستاللىنىپ پەيدا بولىدۇ. ئاساسىي مىنېرال تەركىبى كالتسىت. تۇز كىسلاتاسىدا كۆپۈكلىنىدۇ. تەڭ دانلىق ياكى تەڭسىز دانلىق ئاينىغان كرىستاللىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، دانىچىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە ھەر خىل رەڭلىك بولىدۇ. مەرمەرنى سىلىقلىغاندىن كېيىن بەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. شۇڭا قۇرۇلۇش، ھەيكەلتاراشلىق ۋە زىننەتلەشتە ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

مەرھابا

  • مەرھابا[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] خۇش كەپسىز، قارشى ئالىمىز؛ مەرھەمەت:[مىسال:] مەرھابا مېھمانلار.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مەرھەمەت

  • مەرھەمەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىلىنغان ئىلتىپات، رەھىم-شەپقەت، ھىممەت، ياخشىلىق:[مىسال:] مەرھەمەت قىلماق. مەرھەمەت كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «كەلسىلە، ئىلتىپات قىلسىلا» دېگەن مەنىدە تەكەللۇپنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قېنى قىزلار، خادىكقا مەرھەمەت، دېدى ئۇ، قىزلارغا قاراپ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا قارىتا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئالتۇن، تىللا بىلەن چىشىڭىزنى قاپلاتماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭغىمۇ مەرھەمەت...، دېدى ئۇ ھېلىقى ئايالغا.

مەرھەمەتسىز

  • مەرھەمەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرھەمىتى يوق، مەرھەمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان؛ ھىممەتسىز؛ شەپقەتسىز:[مىسال:] مەرھەمەتسىز پادىشاھ.

مەرھەمەتلىك

  • مەرھەمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرھەمىتى بار، مەرھەمەت قىلىدىغان، مەرھەمەت قىلىشنى بىلىدىغان؛ ھىممەتلىك؛ شەپقەتلىك:[مىسال:] مەرھەمەتلىك شاھ.

مەرھۇم

  • مەرھۇم[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى، ئۆلگەن ئادەم:[مىسال:] كىمدۇر بىرى مەرھۇمنىڭ روھىنى مەندىنمۇ چوڭقۇرراق ھۆرمەتلىسە كېرەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاپات بولۇپ كەتكەن، رەھمەتلىك، رەھمىتى:[مىسال:] مەرھۇم ئاتام.

مەرۇپ

  • مەرۇپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھەممىگە تونۇلغان، ئاتاقلىق، مەشھۇر:[مىسال:] خەلق ئىچىدە ھەققانىي سۆزلۈك، توغرا ۋە مەرۇپ، مەشھۇر بولۇشقا تىرىشقىن.

مەرۇزەⅠ

  • مەرۇزەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرپە ياكى پايانداز ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان تار ھەم ئۇزۇن گىلەم:[مىسال:] مەرۇزە گىلەم.

مەرۇزەⅡ

  • مەرۇزەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] دوكلات، لېكسىيە، نۇتۇق:[مىسال:] مەرۇزە ئوقۇماق.

مەرۇزىچى

  • مەرۇزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوكلات بەرگۈچى، دوكلاتچى.

مەرۋايىت

  • مەرۋايىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار (مەسىلەن، سەدەپ قۇلۇلىسى)نىڭ قاپچۇقى ئىچىدە پەيدا بولىدىغان يۇمىلاق دانىچىلەر.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل دانىچىلەردىن ئىشلەنگەن مارجان:[مىسال:] مەرۋايىت ئاسماق. ئىككى قۇر مەرۋايىت.

مەرۋايىتگۈل

  • مەرۋايىتگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]مەرۋايىت+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مەرۋايىتگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان كىچىك چاتقال. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

مەرۋەرەك

  • مەرۋەرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ.

مەرىپەت

  • مەرىپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سېزىمىنى، بىلىمىنى، مەدەنىيىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە، ئوقۇش-ئوقۇتۇش؛ مائارىپ:[مىسال:] مەرىپەت يۇرتى.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مەرىپەتپەرۋەر

  • مەرىپەتپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەرىپەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، مەرىپەتنى ياقلايدىغان؛ مەرىپەت تەرەپدارى:[مىسال:] مەرىپەتپەرۋەر ئادەم. مەرىپەتپەرۋەر زات.

مەرىپەتپەرۋەرلىك

  • مەرىپەتپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەرىپەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، مەرىپەتنى ياقلاش ئىشى، ھەرىكىتى ياكى ئىستىكى:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىكى بىلەن خەلق ئىچىدە شۆھرەت قازاندى.

مەرىپەتچى

  • مەرىپەتچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەرىپەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، مەرىپەتنى ياقلايدىغان كىشى؛ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرىپەتنى ياقلايدىغان، مەرىپەتنى ھىمايە قىلىدىغان، مەرىپەتپەرۋەر:[مىسال:] ئابدۇرىشىتخان ئىلغار، مەرىپەتچى ئادەم ئىدى.

مەرىپەتچىل

  • مەرىپەتچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرىپەتنى ياقلايدىغان، مەرىپەتنى ھىمايە قىلىدىغان، مەرىپەتپەرۋەر، مەرىپەتچى:[مىسال:] مەرىپەتچىل ئادەم.

مەرىپەتچىلىك

  • مەرىپەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەرىپەتنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش، مەرىپەتنى ياقلاش، ھىمايە قىلىش؛ مەرىپەتپەرۋەرلىك:[مىسال:] سەئىدىيلەر دەۋرىدە ئىلغار مەرىپەتچىلىك بىرقەدەر تەرەققىي قىلغانىكەن.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرلىك بۇرژۇئا مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بولۇپ، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنى ئوبيېكتىپ قىلغان دىندىن خالىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، بۇرژۇئا مەدەنىيىتى ئىچىدىكى بىر خىل ئاساسىي روھ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىنسان تەبىئىتى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

مەرىپەتسىز

  • مەرىپەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلىم-مەرىپەت يۇقمىغان، ئىلىم ئىگىلىمىگەن، نادان:[مىسال:] مەرىپەتسىز ئادەم.

مەرىپەتسىزلىك

  • مەرىپەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلىمىگەنلىك؛ بىلىمسىزلىك، نادانلىق:[مىسال:] شائىرنىڭ ئاساسىي دەردى خەلقنىڭ بېشىدىكى كۈلپەت، جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق مەرىپەتسىزلىكلەردىن ئىبارەت ئىدى.

مەرىپەتلىك

  • مەرىپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوقۇغان، بىلىمى بار، مەدەنىيەتلىك:[مىسال:] مەرىپەتلىك زات.

مەرىكە

  • مەرىكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] توي، تاماشا خاتىرىلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار مۇناسىۋىتى بىلەن بولىدىغان يىغىلىش، مۇراسىم:[مىسال:] توي مەرىكىسى.

مەرىكىلىك

  • مەرىكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەرىكە ئۆتكۈزۈلگەن:[مىسال:] چوڭ مەرىكىلىك سورۇنلار. مەرىكىلىك توي.

مەرىمەك

  • مەرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مە-مە» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «مە-مە» قىلماق (قوي-ئۆچكىلەر ھەققىدە):[مىسال:] ساغلىقنىڭ قوزىسى گويا ئانىسىدىن ئەبەدىي ئايرىلغىنىنى سەزگەندەك ئەتراپنى ئايلىنىپ ئۈزمەي مەرەيتتى.

مەزە

  • مەزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] داستىخان ئۈستىگە قويۇلغان نان-توقاچ، پېچىنە-پىرەنىك، ساڭزا-پوشكال قاتارلىق يېمەكلىكلەر:[مىسال:] مەزە راسلىماق. مەزەگە باقماق.

مەزەللەت

  • مەزەللەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەمسىتىش، خورلاش:[مىسال:] مەزەللەت قىلماق.

مەززە

  • مەززە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تەم، لەززەت:[مىسال:] تاماقنىڭ مەززىسى. مەززىسى يوق تاماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قانائەت ھېسسى، روھىي ئوزۇق، ھۇزۇر، لەززەت، راھەت، زوق:[مىسال:] مەززە قىلماق. مەززە ئالماق. مەززىسى يوق گەپ. * «تۇر-تۇر» كۆپ بولسا، ئۇيقۇدا مەززە يوق (ماقال).

مەززىسىز

  • مەززىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەززىسى يوق، لەززەتسىز، تەمسىز:[مىسال:] مەززىسىز تاماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە ھۇزۇر، لەززەت بەرمەيدىغان؛ كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرمەيدىغان، قىزىقارلىقى يوق، مەنىسىز، تېتىقسىز، لاۋزا:[مىسال:] مەززىسىز گەپ. مەززىسىز ئىش.

مەززىسىزلىك

  • مەززىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەززىسى يوقلۇق، تەمسىزلىك؛ مەنىسىزلىك، لاۋزىلىق:[مىسال:] ساتتاروپ ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىكارغا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەززىسىزلىك ھېس قىلدى.

مەززىلىك

  • مەززىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەمى ياخشى، شېرىن، تاتلىق، لەززەتلىك:[مىسال:] مەززىلىك تاماق. مەززىلىك كاۋاپ.

مەزكۇر

  • مەزكۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بۇ، مۇشۇ:[مىسال:] مەزكۇر شەخس. مەزكۇر ئادەم. مەزكۇر ئىدارە. مەزكۇر خەت.

مەزگىل

  • مەزگىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاغ، پەيت، پۇرسەت:[مىسال:] ئوقۇش مەزگىلى. تېرىلغۇ مەزگىلى. ئۆسۈش مەزگىلى.

مەزگىلسىز

  • مەزگىلسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەزگىلى يېتىپ كەلمىگەن، ۋاقىتسىز، بالدۇر:[مىسال:] چىرايىدا مەزگىلسىز قېرىلىقنىڭ كۈلەڭگىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئوتتۇرا بويلۇق، توغرۇلۇق كەلگەن بۇ كىشىنى مەن دەرھال تونۇدۇم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەزگىلى، پەيتى يېتىپ كەلمەي تۇرۇپ؛ كۈتۈلمىگەندە، تاسادىپىي:[مىسال:] مەزگىلسىز ياغقان يامغۇر.

مەزگىللىك

  • مەزگىللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم مەزگىل، ۋاقىت جەريانىدىكى، مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان:[مىسال:] ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش.

مەزلۇم

  • مەزلۇم[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] زۇلۇم ئاستىدا قالغان، خارلانغان، ئېزىلگەن:[مىسال:] مەزلۇم خەلقلەر. مەزلۇم مىللەتلەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئايال، رەپىقە:[مىسال:] رەھىمەنىڭ ئاپىسى ياۋاش مەزلۇم ئىدى.

مەزلۇمچە

  • مەزلۇمچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئايالچە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئانداق بولسا، بۇ ئاقتىنى مەزلۇمچە ياساپ ئاۋۇ جۇۋانلارنىڭ قاتارىغا قوشۇۋېتىڭلار، دېدى نەزەر بۇيرۇق ئاھاڭدا.

مەزلۇملارچە

  • مەزلۇملارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئېزىلگەن خەلقلەر، ئېزىلگەن كىشىلەرگە ئوخشاش:[مىسال:] مەزلۇملارچە بويسۇنماق. مەزلۇملارچە ياشىماق.[يەشمىسى:] ② ئاياللارچە.

مەزمۇت

  • مەزمۇت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇختا، چىڭ، مۇستەھكەم:[مىسال:] تومىنىڭ ئاستى تەرىپىنىڭ مەزمۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاۋۇل، كۈچلۈك:[مىسال:] مەزمۇت گەۋدە. مەزمۇت ئادەم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] چىڭ، پۇختا، تەۋرەنمەي:[مىسال:] مەزمۇت قەدەم تاشلىماق.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشەنچلىك، راست:[مىسال:] شوپۇرنىڭ چىرايىدا بىر خىل ساددىلىق ھەمدە ئۆز گېپىنىڭ توغرا، مەزمۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىپادە بار ئىدى.

مەزمۇتلاشتۇرماق

  • مەزمۇتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مەزمۇتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بىرقانچە كۈندىن بېرى بىزنىڭ بېغىمىزدا ئۆز قولى بىلەن شوتا ياسىغان، تۈنۈگۈن تولۇق بىر كۈن باش كۆتۈرمەي ئىشلەپ، شوتىنى دەسلەپتىكىدىنمۇ مەزمۇتلاشتۇرغان.

مەزمۇتلاشتۇرۇشماق

  • مەزمۇتلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «مەزمۇتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مەزمۇتلاشتۇرۇلماق

  • مەزمۇتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مەزمۇتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مەزمۇتلاشماق

  • مەزمۇتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەزمۇت ھالەتكە كەلمەك، مەزمۇت بولماق:[مىسال:] بەرگى تۆمۈر سىمدەك ياكى پەي تاردەك مەزمۇتلىشىپ كەتكەن ئالىقان چوڭلۇقتىكى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان يوپۇرماقلار ئاجىز شامالدىمۇ شۇ قەدەر ھەيۋەتلىك سادا چىقىراتتى.

مەزمۇتلۇق

  • مەزمۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاۋۇل، كۈچلۈكلۈك؛ چىڭلىق، پۇختىلىق:[مىسال:] شۇ ۋاقىتتىكى قائىدە بويىچە ئۆرە تۇرۇپ سۆزلەش ئولتۇرۇپ سۆزلەشكە قارىغاندا مەزمۇتلۇق بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرىدا داۋام قىلىۋاتقان مەسلىھەتنى رەسمىي ۋە جىددىي مەجلىس تەرتىپى دەرىجىسىگە كىرگۈزگەنلىكتىن دېرەك بېرەتتى.

مەزمۇن

  • مەزمۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① گەپ-سۆز ياكى ئەسەر، ھۆججەت، خەت قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنىسى:[مىسال:] ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى. ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى. مەزمۇنغا باي.[يەشمىسى:] ② پەلسەپىدە بىرەر ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى بەلگىلىگۈچى ئاساس:[مىسال:] شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ بىرلىكى. شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ دىئالېكتىكىلىق بىرلىكى.

مەزمۇنەن

  • مەزمۇنەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەزمۇن نۇقتىسىدىن، مەزمۇن جەھەتتىن:[مىسال:] مەزمۇنەن تەرجىمە.

مەزمۇندار

  • مەزمۇندار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەزمۇنلۇق، مەزمۇنى چوڭقۇر، مەزمۇنى ياخشى:[مىسال:] مەزمۇندار شېئىر.

مەزمۇندارلىق

  • مەزمۇندارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەزمۇنغا ئىگىلىك، مەزمۇنى چوڭقۇرلۇق، ياخشىلىق:[مىسال:] مۇھەممەت تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە مەزمۇندارلىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەندى.

مەزمۇنداش

  • مەزمۇنداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەزمۇنى ئوخشاش، مەزمۇنى بىر، بىر مەزمۇندىكى:[مىسال:] زەلىلىنىڭ بۇ شېئىرى نامەلۇم شائىر گۇمنامنىڭ 23-غەزىلىدە كۈيلەنگەن تۆۋەندىكى پىكرى بىلەن مەزمۇنداش.

مەزمۇنسىز

  • مەزمۇنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەزمۇنى يوق، مەنىسىز:[مىسال:] مەزمۇنسىز گەپ. مەزمۇنسىز نۇتۇق.

مەزمۇنلۇق

  • مەزمۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەزمۇنى بار، مەزمۇنى ياخشى، مەزمۇنى چوڭقۇر، مەزمۇندار، مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] مەزمۇنلۇق ماقالە. مەزمۇنلۇق نۇتۇق.

مەزھەپ

  • مەزھەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىندىكى قاراش، چۈشەنچىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىققان دىنىي تارماق:[مىسال:] سۈنئىي مەزھىپى. شىئە مەزھىپى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز قاراشلىرى ۋە ئەقىدىلىرى بىلەن باشقىلاردىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان گۇرۇھ:[مىسال:] مەزھەپ بولۇۋالماق. مەزھەپلەرگە ئايرىلماق.

مەزھەپچى

  • مەزھەپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈشنى، پارچىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، شۇنداق كۆزقاراش ۋە ئەقىدىگە ئەمەل قىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] بىز ئۇنداق مەزھەپچىلەرنىڭ پىكىرلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلمايمىز.

مەزھەپچىلىك

  • مەزھەپچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈش، ئايرىمچىلىق قىلىش؛ ئايرىمچىلىق:[مىسال:] مەزھەپچىلىك كۈرىشى. مەزھەپچىلىككە قارشى تۇرماق.

مەزۇر

  • مەزۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەپۇ قىلىنغان، كەچۈرۈلگەن، كەچۈرسە بولىدىغان:[مىسال:] مەزۇر بولۇپ كەتمەك. مەزۇر كۆرمەك.[يەشمىسى:] ② مۇۋاپىق، لايىق:[مىسال:] مەزۇر تونۇلماق.

مەزى

  • مەزى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئالاھىدە پۇراقلىق بىر خىل سۇيۇقلۇق. ئۇ مەنىيگە قوشۇلۇپ ئۇرۇقنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىكى شىلىمشىق ماددىلارنى مۆتىدىللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

مەزى بېزى

  • مەزى بېزى[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەرلەرنىڭ ۋە سۈت ئەمگۈچى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىدىكى بىر خىل بەز. ئادەملەردە دوۋسۇننىڭ ئاستىنقى تەرىپىگە جايلاشقان. چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى كاشتانغا ئوخشايدۇ. ئادەتتە مەنىي ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

مەزىن

  • مەزىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مەسچىتلەردە ئەزان ئېيتىپ جامائەتنى نامازغا چاقىرغۇچى كىشى:[مىسال:] ئەتراپتا مەزىننىڭ ئاۋازىدىن بۆلەك ھېچقانداق سادامۇ ئاڭلانمايتتى.

مەزىنلىك

  • مەزىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەزىنلەر قىلىدىغان ئىش، پائالىيەت:[مىسال:] مەزىنلىك قىلماق.

مەسە

  • مەسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇرۇم، چىگرىن ۋە شاۋرۇن قاتارلىقلاردىن ئۇزۇن قونچلۇق، چەمى يۇمشاق ۋە كەش ياكى كالاچ سېپىپ كىيىشكە باب قىلىپ تىكىلگەن بىر خىل مىللىي ئاياغ كىيىمى.

مەسە-كالاچ

  • مەسە-كالاچ[يەشمىسى:] مەسە ۋە كالاچ:[مىسال:] مەسە-كالاچ كىيمەك. مەسە-كالاچ سېتىۋالماق.

مەسەل

  • مەسەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەخلاقىي تەربىيە خاراكتېرىنى ئالغان ۋە ھەجۋىي تۈستىكى ئوبرازلاشتۇرۇلغان كىچىك شېئىرىي ياكى نەسرىي ئەسەر. كىشىلەر ئارىسىدىكى ۋەقەلەر ھايۋانات، جانىۋار ياكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا كۆچۈرۈلىدۇ. ئوبرازلار كىنايىلىك خاراكتېرىدە بولۇشتىن تاشقىرى، كۈلكىلىك بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئوخشاش:[مىسال:] بويۇڭدىن ئۆرگىلەي ئاي مەسەل يارىم، نېمە شۇنچە ئاھۇ-ئەپغان ئېتەرسەن.

مەسەلچى

  • مەسەلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەسەل يازغۇچى ئەدىب، مەسەل يازىدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② مەسەل ئېيتىشقا ئۇستا ئادەم، مەسەل ئېيتقۇچى.

مەسەللەشتۈرمەك

  • مەسەللەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەسەل ھالىتىگە كەلتۈرمەك، مەسەل تەرىقىسىگە كەلتۈرۈپ يازماق ياكى ئېيتماق.

مەسەللەشتۈرۈلمەك

  • مەسەللەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مەسەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىككى ئەسەرنى رېئال ھاياتنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن دېگەندىن كۆرە، ئۇلارنىڭ سىياسىي قاراشلىرىنىڭ مەسەللەشتۈرۈلۈشى ۋە ھەجۋىيلەشتۈرۈلۈشى دېگەن تۈزۈك.

مەسەللىك

  • مەسەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوخشاش، ئوخشايدىغان؛ مىسالى:[مىسال:] رەڭگىڭ ئالتۇن مەسەللىك، شاھ مېۋىسەن ئەنجۈرۈم. دىيارىمغا شۆھرەتنى، سەن بېرىسەن ئەنجۈرۈم.

مەست

  • مەست[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاراق ياكى نەشە، خىروئىن قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تەسىرىدە كەيپ بولغان، كەيپى بار. كەيپ:[مىسال:] مەست ئادەم. مەست بولماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەيپ بولغان ئادەم:[مىسال:] ئىككى مەست ياسىنغا قاراپ ئېتىلدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق تەسىرلىنىپ، زوقلىنىپ شادلىققا چۆمگەن؛ شادلانغان، خۇشال بولغان ياكى خۇدىنى يوقاتقان؛ قاتتىق مەستلىكى كەلگەن:[مىسال:] قاۋۇل سۆزلەۋاتقىنىدىلا ئۇنىڭ پىكىرلىرى كەلگۈسى بەخت تۇيغۇسىدىن مەست ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناھايىتى كۈچلۈك جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەلەپ قىلىش ۋە شۇنداق مەزگىل (ھايۋانلارغا نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇ مەست بولغان تۆگىدەك كۆپۈك چىقىرىپ ھوشسىز ياتاتتى.

مەستانە

  • مەستانە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەستلەرچە، مەستلەرگە ئوخشاش:[مىسال:] مەستانە بولماق. مەستانە قىلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان، ئەقىلنى ئازدۇرىدىغان دەرىجىدە گۈزەل، چىرايلىق:[مىسال:] مەستانە كۆزلەر. مەستانە قىياپەت. مەستانە قىز.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرنەرسىگە، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بېرىلگەن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بېرىلگەن، مەھلىيا، شەيدا بولغان:[مىسال:] مەستانە ئەمەسمەن كېپىنەككە مەن، شاگىرت بولمايمەن شاتۇتىغا ھەم. ئىلىم-پەن بېغىغا ئاشىق شۇنچە مەن، پەرۋانە مەن بولسام، شامدۇر ئىلىم-پەن.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بېرىلگۈچى ئادەم، ھەۋەس قىلغۇچى، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بېرىلگەن كىشى، ھەۋەسكار:[مىسال:] توپ مەستانىسى. خوتۇن مەستانىسى. كىتاب مەستانىسى.

مەستانىلىق

  • مەستانىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەستانە بولۇش، شەيدالىق:[مىسال:] ئۇ كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇھەببەت مەستانىلىقى يولىدا كېتىۋاتىدۇ.

مەستەر

  • مەستەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئىسىمداش يەنى پېئىللارنىڭ ئىسىم شەكلى.

مەستەك

  • مەستەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېكولوگىيە جەھەتتىن يازغى بۇغدايغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇرۇقى زەھەرلىك دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ئەسلىدە زەھەرلىك ئەمەس. باشىقىدا پارازىت ياشايدىغان بىر خىل باكتېرىيە زەھەرلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇرۇقىنى زەھەرلەيدۇ. زەھەرلەنگەن ئۇرۇقىنى يەپ سالغان ئادەم ياكى ھايۋان زەھەرلىنىدۇ، كۆپرەك يېسە ئۆلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.

مەست-ئەلەس

  • مەست-ئەلەس[يەشمىسى:] ئۆزىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە مەست، كۆزلىرى ئالىيىپ قالغان دەرىجىدە مەست، غەرق مەست:[مىسال:] ئۇ تولاراق مەست-ئەلەس بولۇپ ئولتۇرىدىغان بولدى.

مەستچىلىك

  • مەستچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەست بولغان ھالەت، مەستلىك:[مىسال:] ئۇ مەستچىلىكتە جىنەستىگە قول ئۇزىتىپ، ئۇنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ يۇقىرىغا كۆتۈردى.

مەستخۇش

  • مەستخۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]مەست+خۇش[[يەشمىسى:] ① خۇشخۇي مەست، سەل مەست، چالا مەست: مەستكە ئوخشاش؛[مىسال:] ئۇ ھېلىلا چەككەن ئەپيۈننىڭ تەسىرىدىن مەستخۇش كۆرۈنەتتى.[يەشمىسى:] ② ھەلەك؛ ئاۋارە:[مىسال:] تۈمەن دەرياسى بويىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر مەشىق مەيدانىغا يېقىن كەڭ تۈزلەڭدە بىر توپ ئادەملەر ھە دەپ ئىت تالاشتۇرۇش بىلەن مەستخۇش ئىدى.

مەستخۇشلاندۇرماق

  • مەستخۇشلاندۇرماق[يەشمىسى:] «مەستخۇشلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مەستخۇشلانماق

  • مەستخۇشلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەھلىيا بولماق؛ ھوشىنى يوقاتماق، خۇشاللانماق:[مىسال:] زىلەي ناخشىدىن مەستخۇشلىنىپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى سەزدى.

مەستخۇشلۇق

  • مەستخۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەستخۇش ھالەت:[مىسال:] مەستخۇشلۇقتا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كەتتى.

مەستلىك

  • مەستلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەست بولغان ھالەت، مەستچىلىك:[مىسال:] مەستلىكتە قىلغان گەپ. مەستلىكتىن يېشىلمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئامراقلىق؛ ھەۋەس، قىزىقىش:[مىسال:] بۇ بالىغا مەستلىكىم كېلىۋاتىدۇ.

مەستۇرە

  • مەستۇرە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىپپەتلىك، ساپ، پاك:[مىسال:] مەستۇرە قىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەرلەرگە يۈزىنى كۆرسەتمەيدىغان، يۈزىگە چۈمپەردە تارتقان:[مىسال:] ئاپتوموبىلدا دوپپىلىق، تۇماقلىق، سەللىلىك كىشىلەر، يۈزى يېپىق مەستۇرە ئاياللار، ئۇششاق بالىلار بولۇپ قىرىقچە كىشى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ-سىغدىلىشىپ ئولتۇرۇشقانىدى.[يەشمىسى:] ③ [مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق ئايال؛ روپاش:[مىسال:] پوشكال بولمىسا دادۇر باردۇ نېمە، مېنى سەن كەچكىچە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان مەستۇرە دېۋىدىڭمۇ دېدى ئۇ مەنسۇرغا.[يەشمىسى:] ④ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مەستۇنە

  • مەستۇنە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شەيدا، سەۋدا:[مىسال:] بارمىغاچقا، يانمىغاچقا يېگانە دەيدۇ يار مېنى، بېشىدىن پەرۋانە بولسام مەستۇنە دەيدۇ يار مېنى.

مەستىكى

  • مەستىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «مەستىكى رۇمى»غا قاراڭ.

مەستىكى رۇمى

  • مەستىكى رۇمى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەيتۇن ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. دېۋىرقېيى قېتىشقاندىن كېيىن، كاللەك ياكى دانىچە شەكلىدە بولىدۇ. دورا قىلىنىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.

مەسچىت

  • مەسچىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلارنىڭ جەم بولۇپ ناماز ئوقۇيدىغان ئىبادەتخانىسى:[مىسال:] ھېيتكاھ مەسچىتى. دۆڭكۆۋرۈك مەسچىتى.

مەسخىرە

  • مەسخىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ناچار خاھىش، بولمىغۇر ۋە ئەخمىقانە قىلىق، ئادەتلەرگە بولغان كەمسىتىش، ياراتماسلىق؛ زاڭلىق، مازاق:[مىسال:] مەسخىرە قىلماق. مەسخىرىگە قالماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىستىلىستىكىلىق ئۇسۇللاردىن بىرى. ئۇنىڭدا ئوخشىتىش ياكى مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، بولمىغۇر ياكى ئەخمىقانە دەپ ھېسابلانغان قىلىقلار، ئادەتلەر ئاشكارىلىنىدۇ ۋە تەنقىد قىلىنىدۇ.

مەسخىرىچى

  • مەسخىرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەسخىرە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى مەسخىرە قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان كىشى، مەسخىرە قىلغۇچى ئادەم؛ مەسخىرىۋاز:[مىسال:] ئۇ دېگەن بىر مەسخىرىچى.

مەسخىرىلەشمەك

  • مەسخىرىلەشمەك[يەشمىسى:] «مەسخىرىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مەسخىرىلەنمەك

  • مەسخىرىلەنمەك[يەشمىسى:] «مەسخىرىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مەسخىرىلىك

  • مەسخىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەسخىرە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان؛ مەسخىرە ئارىلاش:[مىسال:] مەسخىرىلىك سۆز. مەسخىرىلىك كۈلكە. مەسخىرىلىك ئاۋاز.

مەسخىرىلىمەك

  • مەسخىرىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەسخىرە قىلماق:[مىسال:] بەزىلەر مېنى «خالىق بىلەن خۇماخاننىڭ مۇرەسسەچىسى» دەپ مەسخىرىلەپمۇ كۈلەتتى.

مەسخىرىۋاز

  • مەسخىرىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارنى مەسخىرە، زاڭلىق قىلىشقا ئامراق ۋە شۇنداق قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئادەم:[مىسال:] ئوۋدىن قايتىش سەپىرىدە مەسخىرىۋازلارنىڭ «ھا، ھا، ھا، ھى، ھى» لىرىمۇ ئانچە ئاڭلانمىدى.[يەشمىسى:] ② سېرك، سەھنە ئويۇنلىرىدا يامان، ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلايدىغان قىزىقچى ئارتىس.

مەسخىرىۋازلىق

  • مەسخىرىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەسخىرە قىلىش ئادىتى؛ مازاق، زاڭلىق:[مىسال:] جۈمەنىڭ ئاۋازىدىن بىر خىل مەسخىرىۋازلىقنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.

مەسخىرىۋى

  • مەسخىرىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەسخىرە قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان، مەسخىرە تۈسىنى ئالغان، مەسخىرىلىك:[مىسال:] مەسخىرىۋى كومېدىيە.

مەسرۇر

  • مەسرۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شاد، شادىمان، خۇشال، سۆيۈنگەن:[مىسال:] بىلەمسەن، كەلدى بىزگە بەختۇئامەت، يېتىپتۇ ئەمدى ئىشقا ياخشى سائەت. ئۆزى كىم ئۇ، بەگ ھاجىم، نامى مەشھۇر، پۈتۈن قەشقەر ئىچىدە بىرلا مەسرۇر.

مەسقى

  • مەسقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەسخىرىۋاز، قىزىقچى، ھەييار؛ يۇمۇر.

مەسكاپ

  • مەسكاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇرۇمنىڭ بىر خىلى:[مىسال:] مەسكاپتىن تىكىلگەن ئۆتۈكۈمگە ھەۋىسىم كېلىپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتىم.

مەسكە

  • مەسكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سېرىقماي.

مەسلەك

  • مەسلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆزىگە خاس ئەقىدىلىرى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىلمىي ياكى دىنىي يول، ئېقىم، ئەقىدە:[مىسال:] سىياسىي مەسلەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غايە؛ مەقسەت، ئىدىيە:[مىسال:] چىن-ھەقىقىي بىر مەسلەكتە تۇرۇپ ئۆزۈڭ، تۈز يېتەكلە بارچە ئەلنى، يارغا تاتما

مەسلەكداش

  • مەسلەكداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەسلىكى بىر، بىر مەسلەكتىكى كىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ مەسلەكدىشى مىرزا كەرىم ئىدى.

مەسلەكداشلىق

  • مەسلەكداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر مەسلەكتە بولۇش:[مىسال:] بىزنىڭ مەسلەكداشلىقىمىز سىياسىي قاراشلىرىمىزنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان.

مەسلەكسىز

  • مەسلەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇئەييەن بىر مەسلىكى، ئەقىدىسى، غايە، مەقسىتى بولمىغان؛ مەقسەتسىز، غايىسىز:[مىسال:] مەسلەكسىز ئادەم.

مەسلىھەت

  • مەسلىھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى قانداق قىلىش ياكى ئومۇمەن نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىلدۈرۈلگەن پىكىر، قىلىنغان مۇلاھىزە، تەۋسىيە، تەكلىپ:[مىسال:] ياخشى مەسلىھەت. مەسلىھەت بەرمەك. مەسلىھەت سورىماق. مەسلىھەت ئالماق.[يەشمىسى:] ② پىكىر ئېلىش، كېڭىشىش:[مىسال:] بىز پات ئارىدا بۇ توينى قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ، ھەرقايسىلىرىنى مەسلىھەتكە چاقىرغانىدۇق.

مەسلىھەت چېيى

  • مەسلىھەت چېيى[يەشمىسى:] ① توي بولۇشنىڭ ئالدىدا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپ بىلەن، توينى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۆزئارا كېڭىشىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان چاي:[مىسال:] ئاتىكەم خېنىم توغرىسىنىلا ئېيتتى؛[مىسال:] مانا، بىلمىدىڭ قىزىم، ئاناڭمۇ سېنى ئالدىغانىدى. شۇ كۈنى سېنىڭ مەسلىھەت چېيىڭ بولۇپ ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② توي بولۇشنىڭ ئالدىدا يىگىت ياكى قىز تويدا خىزمەت قىلىدىغان يېقىنلىرىنى يىغىپ توي ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدىغان چاي:[مىسال:] ئەتە قاسىمنىڭ مەسلىھەت چېيىغا بارىمەن.

مەسلىھەتى يوق

  • مەسلىھەتى يوق[يەشمىسى:] تېتىقسىز، تايىنى يوق:[مىسال:] ئۇ تازىمۇ مەسلىھەتى يوق بىر ئادەم، ئۇنىڭدىن يىراق يۈر، دېدى ئاتىسى.

مەسلىھەتەن

  • مەسلىھەتەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەسلىھەتلىشىش ئاساسىدا، مەسلىھەت بىلەن، كېڭىشىپ؛ مەسلىھەتلىك:[مىسال:] مەسلىھەتەن ئىش قىلماق. مەسلىھەتەن بېجىرمەك.

مەسلىھەتچى

  • مەسلىھەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەسلىھەت بەرگۈچى كىشى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەرلىك ئەھۋالنى پۇختا بىلىدىغان، دېھقانلارغا بەكمۇ كېرەكلىك تېخنىك مەسلىھەتچىلەر ئىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىدارە، تەشكىلاتتا ياكى بىرەر رەھبىرىي شەخسنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ خىزمەت قىلىدىغان خادىم:[مىسال:] ئولتۇرغانلار ئىچىدىن بىرىنچى بولۇپ سۆز ئالغان كىشى ئوردا مەسلىھەتچىسى بولدى.

مەسلىھەتسىز

  • مەسلىھەتسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەسلىھەت، كېڭەش بىلەن قىلىنمىغان؛ مەسلىھەتلەشمەي، كېڭەشمەي قىلىنغان:[مىسال:] مەسلىھەتسىز ئىش دېگەن بۇزۇلماي قالمايدۇ، دېدى ئۇ قايناپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] مەسلىھەت ئالماي، مەسلىھەتلەشمەي، كېڭەشمەي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن:[مىسال:] ئۇ بىزدىن مەسلىھەتسىز ئىش قىلمايدۇ.

مەسلىھەتلەشمەك

  • مەسلىھەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا ياكى بىركىم بىلەن مەسلىھەت قىلماق؛ كېڭەشمەك، ئەقىلداشماق:[مىسال:] بىركۈنى مەن ئايالىم ئوغۇلخان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قۇلا تايچاقنى ئۆيدە بېقىشقا ئېلىپ كەلدىم.

مەسلىھەتلىك

  • مەسلىھەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەسلىھەت، كېڭەش بىلەن قىلىنغان ياكى قىلىنىدىغان؛ مەسلىھەتلىشىش زۆرۈر بولغان:[مىسال:] مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس (ماقال).

مەسنەۋى

  • مەسنەۋى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] قاپىيىداش بېيىتلاردىن ئىبارەت بولغان شېئىر شەكلى.

مەسئۇل

  • مەسئۇل[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، ئۆز زىممىسىدىكى ۋەزىپە ئۈچۈن جاۋابكار:[مىسال:] مەسئۇل مۇھەررىر. مەسئۇل ئورۇن. مەسئۇل ھاكىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان شەخس:[مىسال:] بۇ دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇلى كىم

مەسئۇل مۇھەررىر

  • مەسئۇل مۇھەررىر[يەشمىسى:] نەشر قىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىي ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام، توغرا بولۇشىغا مەسئۇل بولغان مۇھەررىر:[مىسال:] بۇ لۇغەتنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى كىم

مەسئۇللۇق

  • مەسئۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاۋابكارلىق، مەسئۇلىيەت:[مىسال:] بىز بۇ ئىشنى سېنىڭ مەسئۇللىقىڭدا قىلىۋاتىمىز.

مەسئۇلىيەت

  • مەسئۇلىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى، نەتىجىسى ئۈچۈن بولغان جاۋابكارلىق؛ مەسئۇل بولۇش:[مىسال:] ئېغىر مەسئۇلىيەت. مەسئۇلىيەت تۈزۈمى. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماق.

مەسئۇلىيەتچان

  • مەسئۇلىيەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قاچمايدىغان، مەسئۇل بولۇش روھى كۈچلۈك:[مىسال:] مەسئۇلىيەتچان كادىر.

مەسئۇلىيەتچانلىق

  • مەسئۇلىيەتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيىتى، روھى:[مىسال:] بۇ جىددىي ھەم مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك خىزمەت ئىدى.

مەسئۇلىيەتسىز

  • مەسئۇلىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەسئۇلىيىتى يوق، مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلمايدىغان:[مىسال:] مەسئۇلىيەتسىز ئىش.[يەشمىسى:] ② مەسئۇلىيەتنى، جاۋابكارلىقنى مۇھىم دەپ قارىمايدىغان؛ مەسئۇلىيەت بىلەن ئىش قىلمايدىغان؛ بىپەرۋا:[مىسال:] مەسئۇلىيەتسىز كادىر. مەسئۇلىيەتسىز ئادەم.

مەسئۇلىيەتسىزلىك

  • مەسئۇلىيەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، بىپەرۋالىق:[مىسال:] مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماق.

مەسئۇلىيەتلىك

  • مەسئۇلىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەسئۇلىيىتى بار، مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغان، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان:[مىسال:] ۋىلايەتلىك پارتكومدا ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى مۇھىم مەسئۇلىيەتلىك خىزمەتنى زىممىسىگە ئالدى.

مەسئۇلىيەتنامە

  • مەسئۇلىيەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەسئۇلىيەت ھەققىدە يېزىلغان ھۆججەت، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىق ھەققىدىكى توختام:[مىسال:] ئۇلار «1992-يىللىق كەسپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمەت نىشانى مەسئۇلىيەتنامىسى» ئىمزالىدى.

مەسۇم

  • مەسۇم[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىگۇناھ، گۇناھسىز، پاك، تازا، سەمىمىي:[مىسال:] شەۋكەت دىلبەرنىڭ مەسۇم كۆڭلىنى بىھۇدە ئازابلىماسلىق ئۈچۈن، بېشىنى ناھايىتى چاققانلىق بىلەن يانغا بۇرىدى-دە، كۆزى ۋە مەڭزىدىكى ياش مۇنچاقلىرىنى سۈرتۈۋالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نومۇسچان، نومۇسلۇق؛ ئىپپەتلىك:[مىسال:] مەسۇم قىز.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مەسىلە

  • مەسىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەل قىلىنىشى لازىم بولغان ئىش، ھەرىكەت، ۋەزىپە:[مىسال:] ھازىر بىز بىر مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق، دېدى مەتروزى.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈلگە يېقىپ كەتمەيدىغان بىرەر ئىش؛ نۇقسان، چاتاق، ئېۋەن:[مىسال:] ئاشلىق سېتىۋېلىش پىلانىنى ئورۇنلاشتىمۇ مەسىلە تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم سانلار ۋە تېگىشلىك مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا نامەلۇم سانلارنى تېپىش ئۈچۈن ھېكايە شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ماتېماتىك ۋەزىپە:[مىسال:] مەسىلىنى چىقارماق.[يەشمىسى:] ④ دىنىي ئەقىدىلەر توغرىسىدىكى سوئال-جاۋاب:[مىسال:] مەسىلە قىلماق. مەسىلە ئېيتماق.

مەسىلەن

  • مەسىلەن[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «مىسال ئۈچۈن، مىسالغا ئېلىپ ئېيتقاندا» دېگەن مەنىلەردىكى قىستۇرما سۆز:[مىسال:] مەسىلەن، مەخسۇتباي تاتارىستاندىن ئىككى نۆۋەت ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئاستانىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن مەكتەپ ئاچتى.

مەسىھ

  • مەسىھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تاھارەت ئالغاندا ھۆل قول بىلەن باشنى ۋە مەسىنى سىلاش:[مىسال:] مەسىھ تارتماق. مەسىھ قىلماق.

مەشⅠ

  • مەشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىش كۈنلىرى ئوت قالاپ ئۆينى ئىسىتىش، تاماق پىشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئاساسەن تۆمۈر، قاڭالتىر ياكى چويۇندىن ياسىلىدىغان تۇڭ شەكىللىك ئوچاق:[مىسال:] تۆمۈر مەش. چويۇن مەش. مەش قويماق. مەش ياسىماق.[يەشمىسى:] ② پولات تاۋلايدىغان قازان، پېچ:[مىسال:] مەش ئىشچىلىرى ئەگەر ئىش رەتكە چۈشۈپ قالسا، كېرەكتىن چىققان پولاتنى قايتا ئېرىتىپ زىياننى تولدۇرۇۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىشەتتى.

مەشⅡ

  • مەشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رەتلىك تىزىلىپ ھەربىيچە مېڭىش؛ ھەربىيچە يۈرۈش، چامداش:[مىسال:] مەشكە دەسسىمەك.

مەشە

  • مەشە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] مۇشۇ يەر:[مىسال:] بىز بىر يىلى يازدا مەشەدە سەيلە قىلىپ يۈرگەن چېغىمىزدا ئۇ ئادەمنى كۆرگەنىدۇق.

مەشئەل

  • مەشئەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇچىغا كۆيىدىغان بىرنەرسە ئورالغان، يورۇتۇش ياكى ئوت يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تاياق:[مىسال:] مەشئەل ياندۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يول ۋە نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەمۇنە؛ ماياك:[مىسال:] ئىلىم-پەن ھەممىدىن ئەۋزەل، ئىلىم ئۆچمەيدىغان مەشئەل.

مەشچى

  • مەشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەش ياسايدىغان ئادەم.

مەشچىلىك

  • مەشچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەش ياساش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] مەشچىلىك قىلماق. مەشچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق.

مەشرەپ

  • مەشرەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەر بىر يەرگە توپلىشىپ قىلىدىغان ناخشا-ئۇسۇللۇق ئولتۇرۇش، يىغىلىش؛ بەزمە:[مىسال:] مەشرەپ قىلماق. * بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مەشرۇ

  • مەشرۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لايىقىدا تىكىلگەن بىر قۇر كىيىم.

مەشرىق

  • مەشرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شەرق، كۈن چىقىش:[مىسال:] مەشرىقتىن مەغرىبقىچە.

مەشغۇل

  • مەشغۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، كەسىپ بىلەن بەند بولغان، شۇغۇللىنىۋاتقان:[مىسال:] مەشغۇل بولماق. مەشغۇل قىلماق.

مەشغۇلات

  • مەشغۇلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىش، ئوقەت، كەسىپ، پائالىيەت:[مىسال:] مەشغۇلات قىلماق. مەشغۇلات ئۆتكۈزمەك.[يەشمىسى:] ② ئۆگىنىش، دەرسكە دائىر پائالىيەت:[مىسال:] ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىكا گۇرۇپپىسىغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىللە مەشغۇلات ئۆتكۈزىدۇ.

مەشغۇللاندۇرماق

  • مەشغۇللاندۇرماق[يەشمىسى:] «مەشغۇللانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مەشغۇللانماق

  • مەشغۇللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەشغۇل بولماق، بەند بولماق:[مىسال:] ئېغىر تۇرمۇش ئاستىدىكى قىز-ئاياللار، ئۇلاغ بېقىش، تېزەك تېرىش، ئىشى بىلەنلا مەشغۇللىنىپ مەكتەپ يۈزىنى كۆرمىگەنىدى.

مەشغۇلىيەت

  • مەشغۇلىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «مەشغۇلات»قا قاراڭ:[مىسال:] ئاسىمنىڭ ئەڭ كۆپ مەشغۇلىيىتى كىتاب ئوقۇش ئىدى.

مەشقاۋۇل

  • مەشقاۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] پادىشاھ، خان سارايلىرىدا ۋە شۇنىڭدەك، قوشۇنلاردا ھەربىي مەشىق ئۆگىتىشكە مەسئۇل كىشى.

مەشلىك

  • مەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مېشى بار، مەش قويۇلغان:[مىسال:] ئۇلار شۇنداق قىلىپ، بىر مەشلىك بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② مەش قىلىشقا، ياساشقا بولىدىغان ياكى مەش چىقىدىغان:[مىسال:] بىر مەشلىك تۈنىكە. دىلشاتلارنىڭ ئۆيىدە ئىككى مەشلىك تۆمۈر بار ئىدى.

مەشھۇر

  • مەشھۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم جەھەتتە شۆھرەت قازانغان، داڭقى چىققان، خەلقىئالەمگە تونۇلغان، ئاتاقلىق، داڭلىق:[مىسال:] مەشھۇر ئالىم. مەشھۇر يازغۇچى. مەشھۇر ئەرباب. مەشھۇر ئەسەر.

مەشۇت

  • مەشۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پىلە غوزىكىدىن چىقىرىدىغان يىپ.

مەشۇق

  • مەشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يىگىتنىڭ چىن يۈرەكتىن سۆيگەن قىزى، يىگىتنىڭ سۆيگىنى:[مىسال:] ئەنۋەرنىڭ مەشۇقىنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغانىدىم.

مەشۇقلۇق

  • مەشۇقلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزنىڭ ئۆز يىگىتىگە بولغان چىن سۆيگۈ-مۇھەببىتى:[مىسال:] مەلىكە ھاتەمگە بولغان مەشۇقلۇقىنى ئىپادىلەپ بىر پىيالە شاراب تۇتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەشۇقلارغا خاس، مەشۇقلاردا بولىدىغان:[مىسال:] زەينەپتە يوق پەقەت مەشۇقلۇق خىسلەت، سەۋەبى:[مىسال:] سۆز باشقا، قىلىقى باشقا.

مەشئۇم

  • مەشئۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەختسىزلىكتىن دېرەك بەرگۈچى؛ پالاكەت ئېلىپ كەلگۈچى؛ كۆڭۈلسىز؛ شۇم:[مىسال:] دەرۋازا يېنىدىكى مەشئۇم تال دەرىخىمۇ مەشئۇم بىر ئىشقا گۇۋاھلىق بەرگەندەكلا كۆرۈنەتتى.

مەشئۇملۇق

  • مەشئۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەختسىزلىكتىن دېرەك بېرىش، كۆڭۈلسىزلىك، شۇملۇق:[مىسال:] بۇ بىر شۇملۇق، مەشئۇملۇق، ناخشا دېگەن ئازازۇلنىڭ ئاۋازى. ئۇنى ئېيتىش شەيتاننىڭ ئىشى، بىز مۇسۇلمان بەندىلەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىساقلا كۇپايە دېدى ئۇ.

مەشىق

  • مەشىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆگىنىش، مەلىكە بولۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىش، تەييارگەرلىك مەشغۇلاتى ياكى مەلىكىلىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن قىلىنغان مەشغۇلات:[مىسال:] ھەربىي مەشىق. مەشىق قىلماق.

مەشىقخانا

  • مەشىقخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەشىق قىلىش ئۆيى؛ زالى.

مەغپىرەت

  • مەغپىرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كەچۈرۈم، گۇناھىدىن ئۆتۈش:[مىسال:] مەغپىرەت قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مەغرۇر

  • مەغرۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزىنى ئەركىن، ئۈستۈن تۇتىدىغان، روھىي كەيپىياتى ئۈستۈن، غۇرۇرى بار؛ كىبىرلىك، تەكەببۇر:[مىسال:] مەغرۇر ئادەم. مەغرۇر يىگىت. مەغرۇر قىياپەت.

مەغرۇرانە

  • مەغرۇرانە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەغرۇر قىياپەتتە، مەغرۇر ھالەتتە، مەغرۇرلۇق بىلەن:[مىسال:] مەغرۇرانە سۆزلىمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەغرۇر، تەكەببۇر، كىبىرلىك:[مىسال:] ئۇ ئاللىقانداقتۇر مەغرۇرانە كەيپىيات بىلەن سۆزلەيتتى.

مەغرۇرلاندۇرماق

  • مەغرۇرلاندۇرماق[يەشمىسى:] «مەغرۇرلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مەغرۇرلانماق

  • مەغرۇرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەغرۇر بولماق، ئۆزىنى مەغرۇر تۇتماق، غۇرۇرلانماق، كۆرەڭلىمەك، كېرىلمەك:[مىسال:] ئۇ سۆزلىگەنسېرى مەغرۇرلانماقتا، ئاۋازى كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى.

مەغرۇرلۇق

  • مەغرۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەغرۇرلىنىش، ئۆزىنى مەغرۇر، كۆرەڭ تۇتۇش كەيپىياتى، ھالىتى:[مىسال:] ئۆگىنىشتە ئالغا بېسىشنىڭ دۈشمىنى مەغرۇرلۇق ۋە ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىش.

مەغرۇرلىنىشماق

  • مەغرۇرلىنىشماق[يەشمىسى:] «مەغرۇرلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ قېتىمقى زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە بىرىنچى بولغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىشتى.

مەغرىب

  • مەغرىب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] غەرب، كۈنپېتىش، كۈن ئولتۇرۇش:[مىسال:] ئۇنىڭ نېرىسىغا ئاللا كېرەم بار، خۇدا ئاسانلىق بەرسە مەغرىب تەرەپنى پاناھ قىلارمەن، دېدى ئۇ.

مەغلۇبىيەت

  • مەغلۇبىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جەڭدە، مۇسابىقىدا، ئىشقىلىپ، بىرەر ئىشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، مەغلۇپ بولۇش، يېڭىلىش؛ ئوڭۇشسىزلىق:[مىسال:] مەغلۇبىيەت غالىبىيەتنىڭ ئانىسى.

مەغلۇبىيەتچىلىك

  • مەغلۇبىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەغلۇبىيىتىگە تەن بېرىش، تىز پۈكۈش، تەسلىمچىلىك.

مەغلۇبىيەتلىك

  • مەغلۇبىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەغلۇپ بولغان، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان:[مىسال:] مەغلۇبىيەتلىك جەڭ.[يەشمىسى:] ② مەغلۇبىيەتتىن كەلگەن، مەغلۇبىيەتلەر ئارقىلىق يەكۈنلەنگەن:[مىسال:] ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ بىر مەغلۇبىيەتلىك ساۋاق.

مەغلۇپ

  • مەغلۇپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېڭىلگەن، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان؛ مەغلۇبىيەتلىك:[مىسال:] مەغلۇپ بولماق.

مەغۇل

  • مەغۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەند، مەست، مەستانە:[مىسال:] پاراڭغا مەغۇل بولۇپ ئولتۇرغان سائادەت يېنىغا بەختىيارنىڭ كېلىپ قالغىنىنى سەزمەيلا قالدى.

مەقئەت

  • مەقئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] «سوڭ»غا قاراڭ.

مەقبەرە

  • مەقبەرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قەبرە.[يەشمىسى:] ② قەبرىنىڭ ئۈستىگە كېسەك قاتارلىقلار بىلەن ئىمارەت شەكلىدە ياسالغان قۇرۇلما:[مىسال:] ئەجدادلارنىڭ مەقبەرىسى.

مەقبۇل

  • مەقبۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قوبۇل قىلسا، ماقۇل كۆرسە بولىدىغان؛ ماقۇل، قوبۇل:[مىسال:] مەقبۇل بولماق.

مەقسەت

  • مەقسەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئېرىشىش ئۈچۈن كۆزدە تۇتۇلغان نەرسە، مۇراد، مۇددىئا:[مىسال:] چۆچۈرە يېمەكتىن مەقسەت گۆش يېمەك (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىسىملارنىڭⅢشەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى ۋە ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، تىركەلمە ۋەزىپىسىدە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] مەن بۇ ۋەقەنى خەلىپە ھارۇن رەشىدكە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، بۇ شەھەرگە كەلدىم.

مەقسەتداش

  • مەقسەتداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر مەقسەتتىكى، مەقسىتى، مۇددىئاسى بىر بولغان، بىر مەقسەت ئۈچۈن كۈرەشكۈچى:[مىسال:] ياۋنى قېتىپ ناخشامغا سىرلىرىنى پاش قىلاي، مەقسەتداشلار بەزمىسىگە پىكرىمنى يولداش قىلاي.

مەقسەتسىز

  • مەقسەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچبىر مەقسىتى يوق، بىكاردىن-بىكار:[مىسال:] بۇ ھەرگىز مەقسەتسىز ئىش ئەمەس.

مەقسەتلىك

  • مەقسەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەقسىتى بار، بىرەر مەقسەتنى كۆزلىگەن:[مىسال:] ئۇ، مەقسەتلىك ھالدا دۇتتارنىڭ بىر تال تارىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

مەقسۇد

  • مەقسۇد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مەقسەت، مۇددىئا، مۇراد.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مەكتەپ

  • مەكتەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت-مائارىپ، پەن-تېخنىكا ۋە شۇنىڭدەك ھەر خىل ھۈنەر-كەسىپلەر بويىچە مەخسۇس ئوقۇتۇپ تەربىيىلەپ، ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە مەلۇماتلىق قىلىدىغان ئورۇن:[مىسال:] مەكتەپكە كىرمەك. مەكتەپكە بارماق. مەكتەپ ئاچماق. مەكتەپ يېشىدىكى بالا.

مەكتەپداش

  • مەكتەپداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوقۇغان مەكتىپى بىر، بىر مەكتەپتە ئوقۇغان كىشى:[مىسال:] مەن ل. مۇتەللىپ بىلەن مەكتەپداش بولغىنىم ئۈچۈن ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن خېلى خەۋەردار ئىدىم.

مەكتۇپ

  • مەكتۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىركىمگە يېزىپ ئەۋەتىدىغان خەت، سالام خەت:[مىسال:] مەكتۇپ يازماق. مەكتۇپ ئەۋەتمەك.

مەكتۇپلاشماق

  • مەكتۇپلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا بىر-بىرىگە مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتىشمەك. ئۆزئارا خەت ئالاقە قىلىشماق.

مەكتۇپنامە

  • مەكتۇپنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] يازما رەۋىشتە بايان قىلىنىدىغان بىرەر خەت، مەكتۇپ، ئىلتىماس، ئەرز قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى:[مىسال:] پادىشاھى مارۇت قۇتلۇقشاھقا ئۆتكەن ئەھۋاللارنى تەپسىلىي بايان قىلىپ مەكتۇپنامە يېزىپتۇ ھەم ئەپۇ سوراپ ئۆزرە بايان قىلىپتۇ.

مەكروھ

  • مەكروھ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىمسىز، كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان؛ يامان:[مىسال:] بالام، قولۇڭنى يۇيۇپلا سىلكىمە، سىلكىسەڭ مەكروھ بولۇپ قالىدۇ، دېدى ئانام ماڭا لۆڭگىنى ئۇزىتىپ تۇرۇپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەك چۈشۈپ قالغان، يېگىلى بولمايدۇ دەپ قارىلىدىغان، شەكلىك، ھارام:[مىسال:] بىزدە قاغا، سېغىزغاننىڭ گۆشىنى مەكروھ دەيدىغان ئادەت بار.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدىكى قىلمىسا ساۋابى بولىدىغان، قىلسا جازا بېرىلمەيدىغان ئىش-ھەرىكەت.

مەككار

  • مەككار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھىيلە-مىكىر بىلەن ئىش قىلىدىغان، ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىشكە ئۇستا؛ قۇۋ، ھەييار، ھىيلىگەر:[مىسال:] مەككار ئادەم. مەككار دۈشمەن. * ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار (ماقال).

مەككارلارچە

  • مەككارلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەككارلارغا خاس، مەككارلارغا ئوخشاش، مەككارلىق بىلەن:[مىسال:] دەپتۇ بىر كۈن ئاكىسى، مەككارلارچە ھىجىيىپ:[مىسال:] «ئوقۇۋالاي جان ئۇكام، كىتابىڭنى تۇر بېرىپ».

مەككارلىق

  • مەككارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇۋلۇق، ھىيلىگەرلىك:[مىسال:] مەككارلىق قىلماق.

مەككىچامغۇر

  • مەككىچامغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مەككە+چامغۇر[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياڭيۇ.

مەكىتاش

  • مەكىتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇننىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تاشقا ئوخشاش قارامتۇل مەدەن.

مەگەر

  • مەگەر[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەگەر:[مىسال:] دان ئۈچۈن يەرمۇ مەگەر نەم بولمىسا، بىخ ئۇرۇپ پىشقايمۇ دان، پەم بولمىسا

مەگەرچەندە

  • مەگەرچەندە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەگەرچەندە:[مىسال:] مەگەرچەندە ئۇنىڭ سىرى ئاشكارا بولۇپ قالسا، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، دېدى ئۇ.

مەگەركى

  • مەگەركى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «مەگەركىم»گە قاراڭ.

مەگەركىم

  • مەگەركىم[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «مەگەر» سۆزىنىڭ كۈچەيتىلىپ ئېيتىلىشى.

مەڭ

  • مەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خال:[مىسال:] گۈلباھار بۇ مەڭگە قارىغانسېرى ئەجەبلىنەتتى.

مەڭدەتمەك

  • مەڭدەتمەك[يەشمىسى:] «مەڭدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شامالدەك كىرىپ كەلگەن سەبدەگۈل ئۇنى مەڭدىتىپ قويدى.

مەڭدەشمەكⅠ

  • مەڭدەشمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مەڭدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ مەڭدىشىپ قالدى.

مەڭدىگەك

  • مەڭدىگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا مەڭدەيدىغان:[مىسال:] مەڭدىگەك ئادەم.

مەڭدىگەكلىك

  • مەڭدىگەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەڭدەش ئادىتى.

مەڭدىمەك

  • مەڭدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالماق، ھاڭۋېقىپ قالماق؛ ھاڭ-تاڭ قالماق، گاڭگىرىماق، ھودۇقماق، تەمتىرىمەك:[مىسال:] ئانا بۇ تۇيۇقسىز خۇشاللىقتىن مەڭدەپ ئېسىنى يوقىتىپ قويدى.

مەڭز (مەڭزى)

  • مەڭز (مەڭزى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆز بىلەن ياڭاقنىڭ ئارىلىقىدىكى قىسمى:[مىسال:] چىرايى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان، لېكىن ئىككى مەڭزىدە ياش تامچىلىرى دومىلاپ چۈشۈۋاتقان ئانا مېھرىبانلىق بىلەن ئېڭىشىپ ئوغلىنىڭ پېشانىسىگە سۆيدى.

مەڭگەن

  • مەڭگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بۇغداينىڭ باشىقىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىنكى قالغان غول قىسمى.

مەڭگۈ

  • مەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەبەدىي، دائىمىي:[مىسال:] مەڭگۈ ئەسلىمەك. مەڭگۈ ئۆچمەسلىك.

مەڭگۈتاش

  • مەڭگۈتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مەڭگۈ+تاش[[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى شەھەر، مەھەللە، مۇنارلار، ۋە قەبرە، قەبرىگاھلارنىڭ يولىغا ياكى ئۇنىڭ ئالدىغا تىكلەپ قويۇلغان، ئۈستىگە ئەستىلىك خەت-ئىبارىلەر ياكى سۈرەتلەر چېكىلگەن چوڭ خاتىرە تاشلار.

مەڭگۈلۈك

  • مەڭگۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەبەدىي، دائىملىق:[مىسال:] كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەرىكەت داۋامىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.

مەڭگىسەر

  • مەڭگىسەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇنتۇغاق؛ ئالدى-كەينىگە يېنىپ ئىش ئاينىتالمايدىغان.

مەڭلەشمەك

  • مەڭلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆكەرمەك، پاختىلاشماق:[مىسال:] ئۇ بىرقانچە يەل-يېمىش ماگىزىنلىرىنى ئارىلىغان بولسىمۇ، يامغۇردا قېلىپ مەڭلىشىپ قالغان قاپاق جىگدىدىن بۆلەك نەرسە تاپالماي، بىر بېسىپ-ئىككى بېسىپ، ھېيتكاغا كېلىپ قالدى.

مەڭلىك

  • مەڭلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزىدە مېڭى بار:[مىسال:] مەڭلىك ئادەم. مەڭلىك ئايال.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مەلەق

  • مەلەق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يۇمشاق، يۇمشاق ھەم پارچە-پارچە:[مىسال:] مەلەق-مەلەق بولۇپ كەتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تاشقى دۇنيانىڭ تەسىرىنى سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى، ھوشسىز:[مىسال:] ساراڭ، قورقما، خوجايىنىڭ قېرى ئىتتەك مەلەق ئۇيقۇدا دېدى سەمەت ئۇنىڭغا يەل بېرىپ.

مەلەق-مەلەق

  • مەلەق-مەلەق[يەشمىسى:] «مەلەق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ لەشكەرلەرنىڭ ئاتلىرى ئاستىدا مەلەق-مەلەق بولۇپ كەتتى.

مەلەكⅠ

  • مەلەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] پەرىشتە:[مىسال:] مۇرەببىي يوق، پاناھسىزلىق-غېرىبلىققا ئەسىر باشىم، قولۇمدا يوق، شۇڭا يوقتۇر مېنىڭ قاشىمدا قولداشىم. نېسىۋەم يا مەلەك يامغۇرىغا ئۈلپەت بولۇش بەلكى... كۆكەرمەسمۇ زېمىن ياكى كۆزۈمدىن ئاقمىسا ياشىم

مەلەكⅡ

  • مەلەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەخلى، ئاۋارە؛ مەشغۇل.

مەلتۈك

  • مەلتۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كەمتۈك.

مەللە

  • مەللە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپا رەڭگە مايىلراق ئاچ سېرىق رەڭ، سارغۇچ:[مىسال:] مەللە رەڭ. مەللە چاپان. مەللە توخو. مەللە يىپەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆزنىڭ شۇ خىل رەڭدىكى بىر تۈرى:[مىسال:] مەللە چاپان. مەللە تون. مەللە بەلۋاغ.

مەللە پاختا

  • مەللە پاختا[يەشمىسى:] توپا رەڭگە مايىل، سارغۇچ ئېچىلغان پاختا.

مەلھەم

  • مەلھەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يارا، جاراھەتلەرگە سۈرۈلىدىغان يۇمشاق، يېپىشقاق دورا:[مىسال:] يارىغا مەلھەم چاپلىماق. يارىغا مەلھەم سۈرتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەۋا ياكى دەرمان بولىدىغان ھەربىر نەرسە:[مىسال:] دەسلەپكى سۆزدىن ئازابلىق يۈرىكىرىم، بىرەر مەلھەمگە ئىگە بولسا، ئارقىدىنلا يەنە نەشتەر ئۇرۇلۇپ، زەخىملىنەتتى.

مەلۇم

  • مەلۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەممە ياكى بەلگىلىك كىشىلەر بىلىدىغان؛ ئاشكارا، ئوچۇق:[مىسال:] بۇ ئىش ئىدارىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم.[يەشمىسى:] ② بەلگىلىك:[مىسال:] مەلۇم مۇددەت. مەلۇم مەزگىل. مەلۇم شەخس. مەلۇم شارائىت.[يەشمىسى:] ③ مەشھۇر، نامى تارالغان، تونۇشلۇق:[مىسال:] زامانەمنىڭ زامانىسىدا، ھۇرۇنلارنىڭ ماكانىدا بىر ھۇرۇن بولغانىكەن، ئۇ خەلقىئالەمگە مەلۇم ئىكەن.[يەشمىسى:] ④ بېشارەتلىك، ئالدىن بىلىنىلگەن، ئالدىن بېشارەت بېرىكلىك:[مىسال:] يولۋاس ياتقىنىدىن مەلۇم (ماقال). * تېرىق قۇلىقىدىن مەلۇم، بالا كىچىكىدىن (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئالدىن بېرىلگەن، مەۋجۇت:[مىسال:] مەلۇم سانلارنى نامەلۇم سانلاردىن ئاجرىتىش.

مەلۇمات

  • مەلۇمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئوقۇش-ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ئىگىلىگەن بىلىم، ئىلمىي سەۋىيە:[مىسال:] ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتى. * ئۇ ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە دەلىل بولىدىغان خەۋەر، ئۇچۇر، ئاخبارات، ماتېرىيال:[مىسال:] سەلىمە ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇماتچى

  • مەلۇماتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇمات ئالغۇچى ياكى بەرگۈچى ئادەم:[مىسال:] قىلىچ مەلۇماتچى سۈپىتىدە قاتناشتى. باش قوشۇش بۇغراخاننىڭ ئىشخانىسىدا بولدى.

مەلۇماتسىز

  • مەلۇماتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇماتى يوق، مەلۇماتلىق ئەمەس، ئوقۇمىغان، بىلىمسىز:[مىسال:] مەلۇماتسىز ئادەم. مەلۇماتسىز ئايال.

مەلۇماتلىق

  • مەلۇماتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇماتى بار، مەلۇمات ئالغان، مەلۇماتقا، سەۋىيىگە ئىگە؛ ئۇقۇغان؛ ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك:[مىسال:] مەلۇماتلىق ئادەم. ئالىي مەلۇماتلىق ئايال.

مەلۇمچى

  • مەلۇمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① خان ئوردىسىدىن، خاننىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچى كىشىنىڭ ئوردىغا كىرىش ئىلتىماسىنى خانغا مەلۇم قىلغۇچى ياكى خاننىڭ بىركىمنى ئۆز ھوزۇرىغا كىرىشكە چاقىرغانلىق ئىجازىتىنى چاقىرىلغۇچى كىشىگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدىغان ئادەم، ئەمەلدار:[مىسال:] تەيجى ۋاڭنىڭ مەلۇمچىسىگە ئەھۋالنى ئېيتىپ، ۋاڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇدى.[يەشمىسى:] ② خاننىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، خاننىڭ يارلىقى، ئەمر-پەرمانلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلاپ، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلارغا يەتكۈزىدىغان، مەلۇم قىلىدىغان ئەمەلدار:[مىسال:] خان بىرھازادىن كېيىن، ھوشىغا كەلگەندەك مەلۇمچىغا قارىدى.

مەلۇمكى

  • مەلۇمكى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] ھەممىگە مەلۇم نەرسە (ئىش ئۈستىدە توختالغاندا قوللىنىلىدۇ ھەم «مەلۇم» سۆزىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ):[مىسال:] ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھازىر ئىدارىمىزدا كۆپ پۇل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىلىكلەر بىناسى سالالمايۋاتىدۇ.

مەلۇملۇق

  • مەلۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بولغان، مەلۇم، ئېنىق، چۈشىنىشلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ سېغىنىش ئوتىدا ئازابلىنىۋاتقانلىقى ماڭا مەلۇملۇق ئىدى.

مەلۇملىماق

  • مەلۇملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم قىلماق، يەتكۈزمەك، ئۇقتۇرماق.

مەلۇمنامە

  • مەلۇمنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇمات يېزىلغان مەكتۇپ:[مىسال:] ھەركىم كۆرسەتكەن ئەجر-تۆھپىلىرىنى بايان قىلىشتى، بۇ ھەقتە مەلۇمنامە يېزىپ، كۈنچىقىش بېگىگە مەلۇم قىلدى.

مەلئۇن

  • مەلئۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] لەنەت قىلىنغان، لەنىتى، ئۆلگۈر:[مىسال:] قەلەم دۇلدۇلى يايلاققا شىددەت بىلەن چېپىپ كېلىپ، مەلئۇن رەقىبىگە غەزەپ ئوقياسىنى ئاتتى.

مەلئۇنلۇق

  • مەلئۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەنەتلىك، نەپرەتلىك ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] خەلققە شۇنچە مەلئۇنلۇق قىلغان نائەھلىنى يەنە ئادەم بولىدۇ دەپ قاراش ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق بولماسمۇ

مەلىسكىن

  • مەلىسكىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر خىل نېپىز رەخت.

مەلىكەⅠ

  • مەلىكەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئايال پادىشاھ:[مىسال:] مەلىكە بوۋايغا نۇرغۇن ئىنئام بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② پادىشاھنىڭ ئايالى؛ خانىش:[مىسال:] پادىشاھ ۋەزىرىنى مەلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىدىغان لەشكەرلەرگە باش قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆز يۇرتىغا يولغا ساپتۇ.[يەشمىسى:] ③ پادىشاھنىڭ قىزى:[مىسال:] مەلىكە توي قىلىپ ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ.[يەشمىسى:] ④ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مەلىكەⅡ

  • مەلىكەⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر كەسپنى، ئىشنى ياخشى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ماھارەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەشغۇل؛ بەند:[مىسال:] ئىككى دوست ھەر خىل ئويۇن-تاماشالارغا مەلىكە بولۇپ مېڭىۋېرىپ، شەھەرنىڭ بىر چېتىگە چىقىپ قاپتۇ.

مەلىكىزادە

  • مەلىكىزادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مەلىكە+زادە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مەلىكە پەرزەنتى؛ ئايال پادىشاھنىڭ پەرزەنتى:[مىسال:] بۇ قىز قايسى شەھەرنىڭ مەلىكىزادىسىدۇ دەپتۇ.

مەلىكىسىز

  • مەلىكىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلىكە، ماھارەتكە ئىگە بولمىغان، ماھارەتسىز:[مىسال:] مەلىكىسىز ئەمگەك.

مەلىكىلىك

  • مەلىكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ياكى كەسىپتە تازا پىشقان، ماھارەت يېتىلدۈرگەن؛ ماھارەتلىك:[مىسال:] مەلىكىلىك ئىشچى.

مەمە

  • مەمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. بال س.[يەشمىسى:] ئەمچەك.

مەمەدان

  • مەمەدان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا گەپ بەرمەيدىغان، ھەممىنى مەن بىلىمەن دەيدىغان، تولا سۆزلەيدىغان؛ تەكەببۇر، مەنمەنچى:[مىسال:] مەمەدان ئادەم. مەمەدان بالا.

مەمەدانلارچە

  • مەمەدانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەمەدانلارغا خاس، مەمەدانلارغا ئوخشاش، مەمەدانلاردەك:[مىسال:] ئاشلىق قەرزىڭنى تۇتۇپ قالىمىز، ئالدى بىلەن قەرزدىن ئادا-جۇدا بولۇپ، ئاندىن چوڭ سۆزلە، دېدى ئامبارچى مەمەدانلارچە قولىنى شىلتىپ.

مەمەدانلىق

  • مەمەدانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا گەپ بەرمەسلىك، ھەممىنى مەن بىلىمەن دېيىش، تولا سۆزلەش، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك:[مىسال:] مەمەدانلىق قىلماق.

مەمەك

  • مەمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. بال س.[يەشمىسى:] ئەمچەك.

مەملىكەت

  • مەملىكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر دۆلەتنى تەشكىل قىلغان تېررىتورىيە:[مىسال:] سوتسىيالىستىك مەملىكەت. كاپىتالىستىك مەملىكەت.

مەملىكەتلىك

  • مەملىكەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى، پۈتۈن مەملىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەملىكەت دەرىجىلىك:[مىسال:] مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى.

مەممەم

  • مەممەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا، نەرسىگە ئەجەبلەنگەندە، ھەيران قالغان چاغدا ياكى بىرەر ئىش تۈپەيلى ھاياجانلانغاندا قوللىنىلىدىغان، «پاھ، پاھ» دېگەن مەنىدىكى سۆز.

مەمنۇن

  • مەمنۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رازى، قانائەتلەنگەن؛ خۇرسەن، مىننەتدار:[مىسال:] مەمنۇن بولماق. مەمنۇن قىلماق.

مەمنۇنلۇق

  • مەمنۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رازى، خۇرسەن، مىننەتدار بولۇش ئىشى، ھالىتى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار بۇ بىر سائەتلىك دەرستىن ئىنتايىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدى. * ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى.

مەمنۇنىيەت

  • مەمنۇنىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇشاللانغان، خۇرسەن، مەمنۇن بولغان ھالەت؛ مەمنۇن بولۇش، مەمنۇنلۇق، خۇرسەنلىك:[مىسال:] شۇنداق چاغلاردا روزىئاخۇن بىلەن ئايخان ئايلا مەمنۇنىيەت بىلەن خۇدادىن ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ ئۇزاق دۇئا قىلىپ كېتىشەتتى.

مەمنۇنىيەتلىك

  • مەمنۇنىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەمنۇنىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ قىسىلغان كۆزلىرىدىن مەمنۇنىيەتلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى.

مەمۇرⅠ

  • مەمۇرⅠ[يەشمىسى:]ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان مەنسەپدار، باشلىق:[مىسال:] دۆلەت مەمۇرلىرى. ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى.

مەمۇرⅡ

  • مەمۇرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مول، ئاۋات، پاراۋان، باياشات؛ تۆكۈن؛ تولغان:[مىسال:] يۇرتىمىز مەمۇر. زامانىمىز مەمۇر.

مەمۇرچىلىق

  • مەمۇرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە مول، كۆپ، تۆكمە بولغان ھالەت؛ نەرسە مولچىلىق، باياشاتلىق:[مىسال:] يانتاقچى بوۋاي پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن يۇرت مەمۇرچىلىققا چۆمۈپتۇ.

مەمۇرىي

  • مەمۇرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەمۇرىيەتكە دائىر، باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان:[مىسال:] مەمۇرىي بۆلۈم. مەمۇرىي خىزمەت. مەمۇرىي ھوقۇق. مەمۇرىي تارماق. مەمۇرىي كادىر.[يەشمىسى:] ② مەمۇرىيەت يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان، ئىجرا قىلىنىدىغان:[مىسال:] مەمۇرىي چارە. مەمۇرىي جازا.

مەمۇرىي جازا

  • مەمۇرىي جازا[يەشمىسى:] ئىنتىزام جازاسىنىڭ بىر خىلى، يەنى دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ئەمما قىلمىشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرمىگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بېرىلىدىغان جازا.

مەمۇرىيەت

  • مەمۇرىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەمۇرىي ئىش، مەمۇرىي خىزمەت:[مىسال:] ئۇ كېتىۋېتىپ بۇندىن بىر ھەپتە بۇرۇن مەكتەپ مەمۇرىيىتى يىغىنىدا بولۇپ ئۆتكەن ئاخىرقى تالاش-تارتىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى.

مەن

  • مەن[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى:[مىسال:] سەن ئۆل، مەن تىرىلەي (ماقال).

مەنە

  • مەنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن چۈشەنچە؛ ئۇقۇم:[مىسال:] سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسى: سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى: مەنە ئىپادىلىگۈچى يېزىق.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھەرىكەت، جۈملە، خەت، ئەسەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنى:[مىسال:] گەپنىڭ مەنىسى: خەتنىڭ مەنىسى: چوڭقۇر مەنە.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىممەت، ئەھمىيەت؛ ماھىيەت:[مىسال:] ئادىل ئاتا كەسپىگە چىن مەنىسى بىلەن ۋارىسلىق قىلغان ئاجايىپ ياخشى ئورمانچى ئىدى.

مەنەن

  • مەنەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەنىسى ئاساس قىلىنغان، مەنىسى بويىچە:[مىسال:] مەنەن تەرجىمە. مەنەن سىزىش.

مەنبە

  • مەنبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ئېلىنىدىغان، چىقىدىغان، باشلىنىدىغان ياكى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاي، قۇرۇلما ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] خام ئەشيا مەنبەسى. سۇ مەنبەسى. گاز مەنبەسى. ئېلېكتر مەنبەسى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسە، ئىش-ھەرىكەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن ئاساس بولغان ئامىل، سەۋەب، نەرسە قاتارلىقلار:[مىسال:] دارامەت مەنبەسى. ئىجاد مەنبەسى. ئىلھام مەنبەسى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇمات، خەۋەر قاتارلىقلار ئېلىنغان جاي ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئاساس بولغان ئەسەر، ھۆججەت ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] قەدىمكى تۈرك يېزىقىغا ئائىت تارىخىي مەنبەلەر.

مەنبەچىلىك

  • مەنبەچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مەۋجۇداتلارنىڭ كېلىپ چىقىش، پەيدا بولۇش مەنبەسىنى، جەريانىنى ئاساسى چىقىش قىلىدىغان نەزەرىيىۋى ئېقىم، كۆزقاراش؛ جانلىقلارنىڭ يارىلىش مەنبەسىنى ئاساسىي چىقىش نۇقتا قىلىشتىن ئىبارەت نەزەرىيىۋى ئېقىم.

مەنبەداش

  • مەنبەداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان، مەنبەسى بىر:[مىسال:] مەنبەداش سۆزلەر.

مەنبەسىز

  • مەنبەسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنبەسى يوق، مەنبەگە ئىگە بولمىغان.

مەنبەشۇناس

  • مەنبەشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەنبەشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە شۇ ھەقتە مەلۇم تەتقىقات نەتىجىلىرى بولغان ئادەم.

مەنبەشۇناسلىق

  • مەنبەشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] «تېكىستولوگىيە»گە قاراڭ.

مەنبەلىك

  • مەنبەلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنبەسى بار، مەنبەگە ئىگە:[مىسال:] مەنبەلىك تەبىر.

مەنپەئەت

  • مەنپەئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ماددىي ياكى مەنىۋى پايدا، نەپ:[مىسال:] مەنپەئەت بەرمەك. مەنپەئەت يەتكۈزمەك. مەنپەئەت ئالماق.

مەنپەئەتپەرەس

  • مەنپەئەتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] شەخسىي مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان، ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئويلايدىغان ۋە كۆزدە تۇتىدىغان:[مىسال:] مەنپەئەتپەرەس ئادەم.

مەنپەئەتپەرەسلىك

  • مەنپەئەتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەخسىي مەنپەئەتنىلا ئويلاش، كۆزلەش ئىشى، ئادىتى:[مىسال:] بۇ يەردە شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلىكتىن گەپ ئېچىش راستلا كاللا دېسە، پاقالچاق دېگەنلىك بولىدۇ.

مەنپەئەتچىلىك

  • مەنپەئەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئەمەلىي ئۈنۈم ياكى مەنپەئەتنى ھەرىكەت مىزانى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئېتىكىلىق نۇقتىئىنەزەر.

مەنپەئەتدار

  • مەنپەئەتدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا مەنپەئەتكە ئىگە بولغان، شۇ ئىشتا مەنپەئىتى بار:[مىسال:] ئۇلار بۇنىڭدىن مەنپەئەتدار ئەمەس.

مەنپەئەتدارلىق

  • مەنپەئەتدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا مەنپەئەتكە ئىگە بولۇش، مەنپەئەت بېرىش ئىشى .

مەنپەئەتسىز

  • مەنپەئەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنپەئىتى يوق؛ مەنپەئەت بەرمەيدىغان، مەنپەئەت قىلمايدىغان:[مىسال:] مەنپەئەتسىز ئىش.

مەنپەئەتلىك

  • مەنپەئەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنپەئىتى بار، مەنپەئەت قىلىدىغان، پايدىلىق:[مىسال:] دەرۋەقە سىز ئېيتقاندەك، مەن ئۇچراشقان بىرقانچە بايلاردىن بىرەر مەنپەئەتلىك پىكىر ئالالمىدىم، دېدى شائىر تەسىرلەنگەن ئاھاڭدا.

مەنپەر

  • مەنپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] خېمىرى يېسسى قىلىنىپ، سۇغا ئۈزۈپ تاشلاپ پىشۇرۇلغان چۆپ:[مىسال:] مەنپەر سومەن.

مەنپەسى

  • مەنپەسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈستى ئورالمىغان كەمپۈت.

مەنپۇ

  • مەنپۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۇخاۋىدىن تىكىلىپ، ئۈستىگە يىپتا ئاددىي گۈل ئىشلىنىدىغان بىرخىل ئاياللار دوپپىسى.

مەنپىز

  • مەنپىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لىمون ئارىلاشتۇرۇپ قايناتقان شېكەر قىيامىدىن ياسالغان بىر خىل پاتاسا.

مەنپىي

  • مەنپىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] نۆلدىن كىچىك:[مىسال:] مەنپىي سان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] زەررىچىلىرى ئېلېكتردىن ئىبارەت بولغان ياكى ئېلېكترگە ئىگە بولغان:[مىسال:] مەنپىي زەرەت. مەنپىي قۇتۇپ.[يەشمىسى:] ③ ئىنكار قىلىنغان، رەت قىلىنغان:[مىسال:] مەنپىي ئىبادەت.

مەنپىي زەرەت

  • مەنپىي زەرەت[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىم ئارتۇق ئېلېكترونغا ئېرىشكەن چاغدا زەرەتلىنىش ھادىسىسىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ خىل خاراكتېرلىك زەرەت مەنپىي زەرەت دېيىلىدۇ. مەسىلەن، تىۋىتلىق رەخت ياكى مۈشۈك تېرىسىگە سۈركەلگەن سۇرغۇچ تاياقچىدىكى زەرەت مەنپىي زەرەتتۇر.

مەنپىي سان

  • مەنپىي سان[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] نۆلدىن كىچىك بولغان سان. ئادەتتە ئۇ مۇسبەت ساننىڭ ئالدىغا مىنۇس ئالامىتىنى قويۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، - 3، - 5 قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

مەنپىيلىك

  • مەنپىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەنپىي ھالەت ياكى خاراكتېر:[مىسال:] مەنپىيلىك مۇناسىۋىتى.[يەشمىسى:] ② ئاياللارغا خاس خۇسۇسىيەت، ئاياللىق خۇسۇسىيەت:[مىسال:] مەنپىيلىكنى كۈچەيتكۈچى دورىلار.

مەنتىق

  • مەنتىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئوبيېكتىپ شەيئىلەر تەرەققىياتى ياكى تەپەككۈرنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى، يەنى گەپ-سۆز، پىكىر، ھەرىكەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقى:[مىسال:] تۇرمۇش مەنتىقى. * بۇ پىكىر مەنتىققە سىغمايدۇ.[يەشمىسى:] ② تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى:[مىسال:] ئاكىسى گۇناھكار بولسا سىڭلىسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ، دېگەن مەنتىقنى ئۆمرۈمدە مانا ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن[يەشمىسى:] ③ تەپەككۈر شەكلى ۋە تەپەككۈر قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن؛ لوگىكا:[مىسال:] داۋۇت ئەنتاكىي ئىلىم ۋە مەرىپەتلەرنى خىمىيە، ئاسترونومىيە<، قانۇن، مەنتىق قاتارلىق بىرنەچچە قىسىم ۋە گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، ئۇلارنىڭ چېگرىلىرىنى بەلگىلىگەن.

مەنتىقچانلىق

  • مەنتىقچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنتىققە ئۇيغۇنلىشىش، مەنتىققە مۇۋاپىق بولۇش، مەنتىقلىق:[مىسال:] تەپەككۇر بىر زەنجىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىرمۇنچە ھالقىلار بار، ئۇلارنىڭ مەنتىقچانلىقىغا ئېتىبار بېرىش لازىم.

مەنتىقسىز

  • مەنتىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنتىقى يوق، مەنتىققە چۈشمەيدىغان:[مىسال:] مەنتىقسىز گەپ.

مەنتىقسىزلىق

  • مەنتىقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنتىقسىز ھالەت.

مەنتىقشۇناس

  • مەنتىقشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنتىق ئىلمىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم.

مەنتىقشۇناسلىق

  • مەنتىقشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنتىقنى يەنى پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرىنى، ئەقىلگە مۇۋاپىق پىكىر قىلىش يوللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم، پەن.

مەنتىقلىق

  • مەنتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنتىققا ئىگە بولغان، مەنتىقىغا ئاساسلانغان، مەنتىق جەھەتتىن توغرا، ئېدىتلىق:[مىسال:] مەنتىقلىق گەپ.

مەنتىقىي

  • مەنتىقىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەنتىققە ئائىت:[مىسال:] مەنتىقىي فورمۇلا.[يەشمىسى:] ② مەنتىققە ئاساسلانغان؛ مەنتىقلىق:[مىسال:] ئادالەت «ئاتامنىڭ يۇقىرىقى ھۆكۈمى مەنتىقىي خۇلاسىگە توغرا كەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇنى مەن ئۆزۈم تەكشۈرۈپ سىناپ كۆرۈشۈم لازىم ئىكەن» دېگەن ئويغا كەلدى.

مەنجاڭⅠ

  • مەنجاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئاشخانىلاردا خېمىر بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئاشپەز.

مەنجاڭⅡ

  • مەنجاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بۇغداي خېمىرنىڭ قايتا-قايتا سىقىپ مېغىزىنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كېيىنكى قېلىپ قالغان گۆشسىمان قالدۇقى.

مەنجاڭلىق

  • مەنجاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشخانىلاردا خېمىر ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] مەنجاڭلىق قىلماق.

مەنچىلىك

  • مەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزملىق پەلسەپىنى چېكىگە يەتكۈزۈشتىن چىقىرىلغان بىمەنە يەكۈن. ئۇ پەقەت «مەن» لا مەۋجۇت، باشقا ھەممە نەرسە (جۈملىدىن باشقا ئادەملەرمۇ) مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدۇر ياكى ئۇنى مەن (سۇبيېكتىپ ئىرادەم) ياراتقان دەپ قارايدۇ.

مەنزەر

  • مەنزەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بالكون؛ بالىخانا:[مىسال:] بىركۈنى ئۇ مەنزەردىن كوچىغا قاراپ تۇراتتى.

مەنزۇر

  • مەنزۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كىشىلەرگە ماقۇل كېلىدىغان، ياقىدىغان ماقۇل، لايىق، مۇۋاپىق:[يەشمىسى:] مەنزۇر بولماق. مەنزۇر كەلمەك.

مەنزىرە

  • مەنزىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر جاينىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ياكى تەسەۋۋۇر قىلىنغان تاغ-دەريا، گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ، ئۆي-ئىمارەتلەر ۋە بەزى تەبىئەت ھادىسىلىرى (يەنى قار، يامغۇر قاتارلىقلار) دىن تەشكىل تاپقان كۆرۈنۈشى:[مىسال:] تەبىئەت مەنزىرىسى. مەنزىرە تەسۋىرى. مەنزىرە رەسىمى. مەنزىرە لىرىكىسى.[يەشمىسى:] ② ئەھۋال، كۆرۈنۈش:[مىسال:] ئۇنىڭ خىيالىدىن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان» دادىسىنىڭ جەسىتىنى ھويلىغا كۆتۈرۈپ كىرىۋاتقان پاجىئەلىك مەنزىرە ئۆتۈۋاتاتتى.

مەنزىرىلىك

  • مەنزىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنزىرىسى گۈزەل، چىرايلىق؛ مەنزىرىسى كىشىگە ياقىدىغان، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان:[مىسال:] مەنزىرىلىك تاغ.

مەنزىل

  • مەنزىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سەپەر قىلغاندا، توختاپ ئۆتىدىغان، قونىدىغان ياكى يېتىپ بېرىش مۆلچەرلەنگەن جاي:[مىسال:] ئۇ ئۆز مەنزىلىگە يەنە ئۈچ-تۆت سائەت ئىچىدە يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى كۆڭلىدە جەزم قىلىپ قويدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ھەرىكەت، كۈرەش نەتىجىسىدە ئېرىشىلىدىغان، مۆلچەرلەنگەن مەقسەت، مۇددىئا؛ يېتىدىغان نىشان:[مىسال:] يېڭىلىشنىڭ ئانىسى، شۇنداق، تۇغۇلار يېپيېڭى مەردلىك نۇر چېچىپ يېتىدۇ ئارمانلار ئاخىر مەنزىلگە، تۆكۈلگەن قانلاردىن يېڭى يول ئېچىپ[يەشمىسى:] ③ مۇساپە، يول:[مىسال:] مەنزىل مىڭنى شاللايدۇ، ۋىسال مەردنى تاللايدۇ.

مەنزىلسىز

  • مەنزىلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنزىلى يوق، مەنزىلگە ئىگە بولمىغان، چەكسىز.

مەنزىلگاھ

  • مەنزىلگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① سەپەردە چۈشۈپ ئۆتىدىغان ياكى بېرىش مۆلچەرلەنگەن جاي.[يەشمىسى:] ② مەقسەت قىلىنغان، مۆلچەرلەنگەن، كۆزلەنگەن ئاخىرقى نۇقتا، نىشان، پەللە:[مىسال:] بۈركۈت بولدۇم، تاغدىن ئۇچتۇم، تاغ چوققىسى مەنزىلگاھىم. كەتتى ئوغلۇم ئوقۇشقا دەپ، ئانا جانىم چەكمە ۋاھىم.

مەنسەپ

  • مەنسەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئورگاندىكى مەسئۇل ۋەزىپە، ئەمەل:[مىسال:] يۇقىرى مەنسەپ. مەنسەپتە تۇرماق. مەنسەپكە چىقماق.

مەنسەپپەرەس

  • مەنسەپپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەنسەپنى، مەنسەپكە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان؛ مەنسەپكە ئامراق:[مىسال:] مەنسەپپەرەس ئادەم.

مەنسەپپەرەسلىك

  • مەنسەپپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنسەپنى، مەنسەپكە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرۈش ئىشى، ئادىتى.

مەنسەپخور

  • مەنسەپخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «مەنسەپپەرەس»كە قاراڭ:[مىسال:] ئېلى پاششاپ شەخسىيەتچى، مەنسەپخور بىر ئادەم ئىدى.

مەنسەپخورلۇق

  • مەنسەپخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مەنسەپپەرەسلىك»كە قاراڭ.

مەنسەپدار

  • مەنسەپدار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر مەنسەپكە، ئەمەلگە ئىگە بولغان، مەنسەپكە تەيىنلەنگەن:[مىسال:] مەنسەپدار ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنسەپ ئىگىسى، مەنسەپكە ئولتۇرغان ئادەم، ئەمەلدار:[مىسال:] خوتۇنىنىڭ جەمەتىدە بەزى مەنسەپدارلارنىڭ بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ قۇلايلىق تۇغدۇراتتى.

مەنسەپدارلىق

  • مەنسەپدارلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنسەپتە ئولتۇرۇش:[مىسال:] بۇ مەنسەپدارلىق قىلىشنى نەدىن بىلسۇن دېدى كىشىلەر ئۇنى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنساپدار بولىدىغان، مەنسەپدارغا خاس:[مىسال:] مەنسەپدارلىق كىبرىنى ئىشلەتمەك.

مەنسەپسىز

  • مەنسەپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنسىپى، ئەمىلى يوق؛ ئەمەل تۇتمىغان.

مەنسۇپ

  • مەنسۇپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاراشلىق، تېگىشلىك، تەۋە، تەئەللۇق، قارايدىغان:[مىسال:] مەنسۇپ بولماق. * بۇ كىتاب ماڭا مەنسۇپ.

مەنسۇپلۇق

  • مەنسۇپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەۋە بولۇش؛ تەئەللۇق، تەۋەلىك.

مەنسۇخ

  • مەنسۇخ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەمەلدىن قالغان، بىكار، ئىناۋەتسىز، يوققا چىققان:[مىسال:] مەنسۇخ بولماق. مەنسۇخ قىلماق.

مەنسىتمەسلىك

  • مەنسىتمەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆۋەن نەزەر بىلەن ئېتىبارسىز قاراش، كۆزگە ئىلماسلىق، پىسەنت قىلماسلىق:[مىسال:] ئەبىلغازىنىڭ چىرايىدا نە مەغرۇرلۇق، نە مەنسىتمەسلىك ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى.

مەنسىتمەك

  • مەنسىتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزگە ئىلماق، ئېتىبار بىلەن قارىماق:[مىسال:] ئۇ سېنى مەنسىتەمدۇ

مەنسىتىشمەك

  • مەنسىتىشمەك[يەشمىسى:] «مەنسىتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مەنسىتىلمەك

  • مەنسىتىلمەك[يەشمىسى:] «مەنسىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مەنقۇلات

  • مەنقۇلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۈلۈك، جاھاز، ئۈسكۈنە، جابدۇق ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى:[مىسال:] ئۇلار بىرنەچچە ئىشچى ئىش قوراللىرىنى توشۇپ، مەنقۇلاتلارنىڭ توشۇلۇپ بولۇشىنى ساقلاپ تۇراتتى.

مەنقۇلاتلىق

  • مەنقۇلاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنقۇلاتى بار، مەنقۇلات بىلەن بېزەلگەن:[مىسال:] مەنقۇلاتلىق ئۆي.

مەنمەن

  • مەنمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى بەك ئۈستۈن چاغلايدىغان، ئۆزىنىڭكىنى راست دەيدىغان، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان:[مىسال:] مەنمەن ئادەم.

مەنمەن دېگەن

  • مەنمەن دېگەن[يەشمىسى:] ئۆزىنى قالتىس ھېسابلايدىغان، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان:[مىسال:] بەكرى شۇ چاغلاردا شورتوپىنىڭ مەنمەن دېگەن يىگىتلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

مەنمەنچى

  • مەنمەنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئادەم:[مىسال:] مەنمەنچى ھوقۇقدار سۆزىدىن توختاپ، ئىككىنچى قېتىم يانچۇقىدىن تۆگە ماركىلىق تاماكىسى ئالغاندىن كېيىن، بارماق تىرنىقىغا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇپ قويۇپ تۇتاشتۇردى.

مەنمەنچىلىك

  • مەنمەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى قالتىس، چوڭ، كاتتا چاغلايدىغان، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان بىر خىل خاھىش، ئادەت؛ مەنمەنلىك:[مىسال:] مەنمەنچىلىك ئىدىيىسى.

مەنمەنلىك

  • مەنمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، چوڭ تۇتۇش؛ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتۇش، مەنمەنچىلىك:[مىسال:] مەنمەنلىك قىلماق. مەنمەنلىك تالاشماق. * مەنمەنلىك — شەيتانلىق (ماقال).

مەنىي

  • مەنىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئەرلەر ياكى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش بېزىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان، تەركىبىدە ئۇرۇق بولىدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق؛ ئىسپېرما:[مىسال:] مەنىي كەلمەك. مەنىي تۇتالماسلىق.

مەنئى

  • مەنئى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چەكلەش، رۇخسەت قىلىنماسلىق، يول قويۇلماسلىق:[مىسال:] مەنئى بولماق. مەنئى قىلماق.

مەنىدار

  • مەنىدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەنىسى چوڭقۇر، چوڭقۇر مەنىگە ئىگە؛ مەنىلىك:[مىسال:] بارس تېكىن بۇ ئاددىي ئوۋچى يىگىتنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان مۇنداق مەنىدار سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قارىدى.

مەنىداش

  • مەنىداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنىسى ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدىغان:[مىسال:] مەنىداش سۆزلەر.

مەنىداشلىق

  • مەنىداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنىسى ئوخشاشلىق ياكى يېقىنلىق:[مىسال:] سۆزلەرنىڭ مەنىداشلىقى.

مەنىسىز

  • مەنىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەنىسى يوق، مەنە ئىپادىلىمەيدىغان، مەنە ئۇقتۇرمايدىغان:[مىسال:] سۆزلەرنىڭ مەنىسىز بۆلىكى. مەنىسىز تۇرمۇش.

مەنىسىزلىك

  • مەنىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەنىسى يوقلۇق، مەنە ئىپادىلىمەسلىك:[مىسال:] شۇندىن بۇيان، روزەكۋاي دۇنيادا مۇھەببەتسىز ياشاش مەنىسىزلىك دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى.

مەنىلىك

  • مەنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەنىسى بار، مەنىگە ئىگە، چوڭقۇر مەنە بىلدۈرىدىغان:[مىسال:] بىر مەنىلىك سۆز. كۆپ مەنىلىك سۆز. * ئەلچىلەر پادىشاھنىڭ مەنىلىك گەپلىرىگە قايىل بولۇپ تەزىم قىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىلدۈرگەن مەنىسىنى، مەزمۇنىنى تۇتقا قىلغان؛ مەزمۇنىنى ئاساس قىلغان ھالدىكى:[مىسال:] مەنىلىك ئەستە قالدۇرۇش دېگىنىمىز — ئەستە قالدۇرماقچى بولغان ماتېرىيالنى چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈللۈك:[مىسال:] مەنىلىك تۇرمۇش.[يەشمىسى:] ④ باشقا بىرەر مەنە، مەقسەت مۇددىئا يوشۇرۇنغان؛ مەقسەتلىك:[مىسال:] شانىيازنىڭ گېپىدە مەنىلىك چاقچاق بارلىقىنى سەزگەن ئەتراپتىكى ياشلار پاراق-پۇرۇق كۈلۈپ كېتىشتى.

مەنىۋى

  • مەنىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئىچكى، روھىي ھاياتىغا ئائىت؛ روھىي:[مىسال:] مەنىۋى مەدەنىيەت. مەنىۋى ياردەم. مەنىۋى تۇرمۇش.

مەنىۋى مەدەنىيەت

  • مەنىۋى مەدەنىيەت[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماددىي مەدەنىيەتنىڭ سېلىشتۇرمىسى، يەنى كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشى، ئىجتىمائىي مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنىڭ تەرەققىي تاپقانلىقىدا ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسىي، ئەخلاقىي سەۋىيىسىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.

مەنىۋى مۇھىت

  • مەنىۋى مۇھىت[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئىدىيىۋى ھېسسىياتنىڭ ئىپادىلىنىشى بىرلىشىپ شەكىللىنىدىغان بىر خىل بەدىئىي دائىرە.

مەھ

  • مەھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئىتنى ئۆزىنىڭ يېنىغا چاقىرغاندا قوللىنىدىغان سۆز.

مەھەل

  • مەھەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەيت، ۋاقىت، چاغ:[مىسال:] ماشىنىلار قوزا چۈش بولغان مەھەل بىلەن دەريا كېچىكىگە، قېرى ياڭاق دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى.

مەھەللە

  • مەھەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شەھەر ياكى يېزىلارنىڭ بىرنەچچە كوچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بۆلىكى:[مىسال:] مەھەللە كومىتېتى. مەھەللە ئىش باشقۇرۇش ئورنى.

مەھەللە-كوي

  • مەھەللە-كوي[يەشمىسى:] مەھەللە ۋە مەھەللە ئەتراپلىرى؛ كوچا-كوي:[مىسال:] ئېتىز-ئېرىق، مەھەللە-كويدا ئادەملەر چېلىقمايتتى.

مەھەللىدارچىلىق

  • مەھەللىدارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەھەللىنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن باغلىق بولغان تۇرمۇشى، بىللە ئۆتۈشى:[مىسال:] يۇرت-مەھەللىدە بولىدىغان نەزىر، زاراخەتمە، توي-تۆكۈن ۋە ئويۇن-تاماشا قاتارلىق مەھەللىدارچىلىق ئىشلىرىنى بىر-بىرىگە پۇت-قول بولۇشۇپ، بىللە ئۆتكۈزىدىكەن.

مەھەللىداش

  • مەھەللىداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر مەھەللىدە ئولتۇرىدىغان ئادەملەر (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇنىڭ پەريادلىرىغا ئىچى سىيرىلغان بىرقانچە مەھەللىداشلىرى، ئۆزلىرىمۇ يىغلاشقان ھالدا تەسەللى ئېيتتى.

مەھەللىلىك

  • مەھەللىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەھەللىدە ياشىغۇچى:[مىسال:] ئۇ مەندىن سەن قايسى مەھەللىلىك دەپ سوراپ قالدى.

مەھەللىۋاز

  • مەھەللىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆزى ياشاپ تۇرغان تار، كىچىك دائىرىسىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ئىش قىلغۇچى كىشى.

مەھەللىۋازلىق

  • مەھەللىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى ياشاپ تۇرغان تار، كىچىك دائىرىنىڭلا مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇش:[مىسال:] مەھەللىۋازلىق قىلماق.

مەھەللىۋى

  • مەھەللىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەھەللىنىڭ يەرلىك ئۇسۇلىدا ئىشلەنگەن:[مىسال:] مەھەللىۋى ئوغۇت.[يەشمىسى:] ② شۇ مەھەللىگە خاس، يەرلىك:[مىسال:] مەھەللىۋى ئۇسسۇل.

مەھەللىي

  • مەھەللىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەھەللە تۈسىنى ئالغان؛ يەرلىك:[مىسال:] بۇ مەھەللىي مەشرەپ مۇقاملىرىدا چوڭ نەغمىلەر، داستانلار، مەشرەپلەر بولماستىن، تولاراق قىسقا مۇزىكىدىن كېيىن ئۇسسۇللۇق، ناخشىلىق سەنەملەر باشلىنىپ كېتىدۇ.

مەھبۇب

  • مەھبۇب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] سۆيۈملۈك كىشى؛ يار:[مىسال:] كۆڭۈلدە ئىلىم ئېلىشنىڭ ئىشتىياقى، يەنە بىر ياندا مەھبۇبىنىڭ پىراقى.

مەھبۇس

  • مەھبۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] زىندانغا سېلىنغان، قاماققا ئېلىنغان، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان كىشى؛ گۇناھكار:[مىسال:] مەھبۇس شۇنچىلىك ئورۇق ۋە ھالسىز ئىدىكى، ئۇنىڭ نېمىدىن — ئاچلىق ياكى تاياق زەربىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.

مەھبۇسلۇق

  • مەھبۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىندانغا، تۈرمىگە قامىلىش، تۇتقۇنلۇق:[مىسال:] مەھبۇسلۇقتا ئۆتكەن كۈنلەر. * شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمى مەھبۇسلۇقتا ئۆتتى.

مەھرەم

  • مەھرەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] پادىشاھنىڭ ئوردا، سارايلىرىدا ھەم ئەمەلدارلارنىڭ يېنىدا ھەر خىل خىزمەتلەرنى قىلىدىغان خىزمەتكار:[مىسال:] پادىشاھ ئادىلنىڭ بىر خاس مەھرىمى بار ئىدى.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] مۇھاپىزەت خادىمى:[مىسال:] قاسىم فۇگۇەن يولۋاسنىڭ خاس مەھرەملىرىدىن بولۇپ، خەنزۇ تىلىنى خېلى ئوبدان بىلەتتى.[يەشمىسى:] ③ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئەر ياكى خوتۇننىڭ شەرىئەت بويىچە بىر-بىرىنى كۆرۈشى مۇمكىن بولغان، ئەمما نىكاھ راۋا بولمايدىغان قېرىندىشى.

مەھرەم بېگى

  • مەھرەم بېگى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] تارىختا ئۆتكەن خانلىقلاردا خان ياكى بەگلەرنىڭ مەھرەملىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن قويۇلغان ئەمەلدار.

مەھرۇم

  • مەھرۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇيەسسەر، بەھرىمەن ياكى ئىگە بولۇش، ئېرىشىش، پايدىلىنىش ئىمكانى، ھوقۇقى قاتارلىقلار بولمىغان:[مىسال:] مەھرۇم بولماق. مەھرۇم قىلماق. مەھرۇم قالماق.

مەھسۇل

  • مەھسۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىش، [يەشمىسى:] پائالىيەت، مېھنەت قاتارلىقلاردىن يارىتىلغان مېۋە؛ نەتىجە:[مىسال:] بايلىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى. * تالانت-قابىلىيەت ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى.

مەھسۇلات

  • مەھسۇلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملار:[مىسال:] دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى.

مەھسۇلاتلىق

  • مەھسۇلاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەھسۇلاتى بار، مەھسۇلات چىقىدىغان:[مىسال:] يۇقىرى مەھسۇلاتلىق شال. يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئېتىزلار.

مەھشەر

  • مەھشەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچىدە قىيامەت كۈنى ھەممە كىشى يىغىلىدىغان جاي ۋە شۇ ۋاقىت:[مىسال:] جامائەت جەم بولۇپسىز، مېنىڭدىن بولۇڭ رازى. مەھشەردە كۆرۈشكەيمىز بولغاندا خۇدا قازى.

مەھشەرگاھ

  • مەھشەرگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قىيامەت بولىدىغان جاي:[مىسال:] ناۋادا مۇشۇ قەرز بىلەن شۇ كۈنلەردە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان بولسام، مەھشەرگاھتا نېمىمۇ دەيتتىم.

مەھكەم

  • مەھكەم[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان بۇزۇلمايدىغان، سۇنمايدىغان، پۇختا، مۇستەھكەم، چىداملىق:[مىسال:] قورقۇپ جياڭجۈن ئالۋاستى، كىردى سېپىل ئىچىگە. مەھكەم ئىكەن سېپىلى، يەتمىدۇق ھېچ ئېپىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] زور كۈچ بىلەن، كۈچىنى ئىشقا سېلىپ؛ چىڭ، قاتتىق:[مىسال:] مەھكەم تۇتماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تەۋرەنمەي، ئېغىشماي، چىڭ:[مىسال:] رىزىۋانگۈل ئۆزىنىڭ سۆزىدە مەھكەم تۇردى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇنتۇپ قالماي:[مىسال:] ئەستە مەھكەم تۇتماق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېھتىياتچان، پىششىق، پۇختا:[مىسال:] ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما (ماقال).

مەھكەملەتمەك

  • مەھكەملەتمەك[يەشمىسى:] «مەھكەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مەھكەملەشمەك

  • مەھكەملەشمەك[يەشمىسى:] «مەھكەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ يوسۇندا سائادەتنىڭ ئانىسىمۇ مېنىڭدىن قاچماي قويدى، ئالاقىمىز يەنىمۇ مەھكەملەشتى.

مەھكەملەنمەك

  • مەھكەملەنمەك[يەشمىسى:] «مەھكەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مەھكەملىمەك

  • مەھكەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەھكەم، چىڭ ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ مەھكەم قىلماق، چىڭىتماق:[مىسال:] ئۇ تۇرۇبىنى بېكىتىپ مەھكەملىدى.

مەھكۇم

  • مەھكۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى ھۆكۈم قىلىنىشقا تېگىشلىك:[مىسال:] مەن جىنايەتچى، مەن ئۆلۈمگە مەھكۇم، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ ئەمرىدە، ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان؛ باشقىلارنىڭ ئىلكىدىكى، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى، قارام، بېقىندى:[مىسال:] مەھكۇم خەلق. مەھكۇم مىللەت. مەھكۇم ئەل.

مەھكۇمانە

  • مەھكۇمانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەھكۇملارغا ئوخشاش، مەھكۇملارچە:[مىسال:] يىگىت خىجالەت تەرلىرىدىن تۆرەلگەن لايغا پېتىپ، يەر يېرىلسا كىرىپ كەتكۈدەك ئېغىر ئىزا ئالدىدا مەھكۇمانە باش ئېگىپ تۇراتتى.

مەھكۇملارچە

  • مەھكۇملارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەھكۇملارغا ئوخشاش، مەھكۇملارغا خاس، مەھكۇمانە:[مىسال:] ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزدا مەھكۇملارچە باش ئەگكەن ھالدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇراتتى.

مەھكۇملۇق

  • مەھكۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر جازاغا، ئۆلۈمگە ياكى شۇ ھەقتىكى جازاغا تارتىلىشقا لايىقلىق؛ئەركىنلىكتىن مەھرۇملۇق:[مىسال:] مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلماق.

مەھكىمە

  • مەھكىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قانۇن، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىدارە، ئورگان:[مىسال:] ئەدلىيە مەھكىمىسى. تەپتىش مەھكىمىسى. ھەربىي ئىشلار مەھكىمىسى.

مەھكىمىچىلىك

  • مەھكىمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەھكىمە ئىشلىرى:[مىسال:] تار مەھكىمىچىلىك.

مەھلىيا

  • مەھلىيا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئادەم ياكى بىرەر نەرسىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن، ئەس-ھوشىنى يوقاتقان؛ چىن دىلىدىن كۆيگەن:[مىسال:] مەھلىيا بولماق. مەھلىيا قىلماق.

مەھلىيالىق

  • مەھلىيالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىش؛ چىن دىلىدىن كۆيۈش:[مىسال:] ئادالەتنىڭ يۈرىكىنى ئەمدى مەھلىيالىق، ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىگىلىگەنىدى.

مەۋج

  • مەۋج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۇ يۈزىنىڭ جىمىر-جىمىر قىلغان ھەرىكىتى.[يەشمىسى:] ② دولقۇن؛ كۆتۈرۈلۈش؛ چايقىلىش:[مىسال:] ئۆستەڭ ئۆز قىنىدىن چىقىپ ۋاقىتلىق يانداش ئۆستەڭ بىلەن ئەگىپ ئۆتۈپ غەرپكە قاراپ مەۋج ئۇرۇپ ئاقماقتا ئىدى. * شۇندىن بۇيان قەلبىمدە شادلىق، سۆيۈنۈش تۇيغۇسى مەۋج ئۇرماقتا ئىدى.

مەۋجلەنمەك

  • مەۋجلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دولقۇنلىماق، كۆتۈرۈلمەك، ئۆركەشلىمەك:[مىسال:] قەلبىمدە غەشلىك ئارىلاش «ئازارلىق» تۇيغۇسى مەۋجلىنەتتى.

مەۋجلىك

  • مەۋجلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەۋج ئۇرغان، دولقۇنلانغان:[مىسال:] ئۆركىشى دەريا-دېڭىزنىڭ مەۋجلىك كۆكسى ئۇنىڭ، بەرق ئۇرار تولغان تولۇن ئايدەك گۈزەل ھۆسنى ئۇنىڭ.

مەۋجۇت

  • مەۋجۇت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ بار بولۇپ تۇرۇۋاتقان، بار:[مىسال:] مەۋجۇت بولماق.

مەۋجۇتلۇق

  • مەۋجۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، بارلىق:[مىسال:] ئۇ، بىزنىڭ تۇيغۇدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، دەپ ھېسابلايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>س ئىقتىساد<[يەشمىسى:] مەۋجۇدىيەت.م

مەھەللىۋى

  • مەھەللىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەھەللىنىڭ ىئەتتە بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، دۇنيادا مەۋجۇت نەرسىلەر، پۈتۈن، بارلىق:[مىسال:] دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ھەددى-ھېسابسىز ۋە رەڭگارەڭ.

مەۋجۇدىيەت

  • مەۋجۇدىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەۋجۇتلۇق، مەۋجۇدات، بارلىق:[مىسال:] شۇندىن باشلاپ ماڭا پۈتۈن تەبىئەت، پۈتۈن مەۋجۇدىيەت باشقىچە يېڭى، باشقىچە يېقىملىق، باشقىچە بىر گۈزەل كۆرۈنىدىغان بولدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماددا.

مەۋسۇم

  • مەۋسۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يىلنىڭ مەلۇم پەسلى ياكى ۋاقتىدا بولىدىغان ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ئىش دەۋرى:[مىسال:] تېرىقچىلىق مەۋسۇمى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەۋسۇمى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، چۈش ۋاقتىدىكى قۇياش نۇرىنىڭ تىك-يانتۇلۇقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئايرىپ چىقىلغان ۋاقىت بىرلىكى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] بىر يىلنىڭ تۆتتىن بىرى، يەنى پەسىل:[مىسال:] باھار مەۋسۇمى، ياز مەۋسۇمى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>مائار<[يەشمىسى:] بىر ئوقۇش يىلىنىڭ يېرىمى:[مىسال:] مەۋسۇم ئىمتىھانى. بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۇمى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەۋر، مەزگىل، چاغ:[مىسال:] قىرىقتىن ھالقىدىم مەنمۇ، يىگىتلىك مەۋسۇمى ئۆتتى، ھايات ۋادىسىدىن كەزدىم، بېشىمدىن قانچە ئىش ئۆتتى.

مەۋسۇملۇق

  • مەۋسۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەۋسۇم ئىچىدە بولىدىغان، مەۋسۇم خاراكېرلىك، پەسىللىك:[مىسال:] مەۋسۇملۇق ئىمتىھان. مەۋسۇملۇق ئىشلار. مەۋسۇملۇق پىلان تۈزمەك.

مەۋقە

  • مەۋقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم، بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا، تەشكىلات، قاتلام قاتارلىقلارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى، نوپۇز، دەرىجە:[مىسال:] ئۇلار خوجايىنلىق مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياخشىلاش يولىدا تېخنىكا ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى.[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ بىرەر ئۆگىنىش، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەت، پائالىيەتلەردىكى پوزىتسىيىسى؛ مەيدان، ئىرادە:[مىسال:] مەۋقەسىدە چىڭ تۇرماق.[يەشمىسى:] ③ ئورۇن:[مىسال:] ھاۋا مەۋقە جەھەتتە ئوت (قۇياش) نىڭ تۆۋىنىدە، سۇنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن، خاراكتېرى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.

مەۋقەسىز

  • مەۋقەسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەۋقەسى، مەيدانى يوق؛ ئاسان تەۋرىنىدىغان:[مىسال:] مەۋقەسىز ئادەم. مەۋقەسىز يىگىت.

مەۋقەسىزلىك

  • مەۋقەسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەۋقەسى، مەيدانى يوقلۇق:[مىسال:] مەۋقەسىزلىك قىلماق.

مەۋلانا

  • مەۋلانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان «داموللا»، «ئۇستاز» مەنىسىدىكى ھۆرمەت سۆزى:[مىسال:] مەيلى ئۇ سىزنىڭ مەۋلانىڭىز ياكى مېنىڭ مەۋلانىم بولسۇن، ئۇنىڭغا مۇنداق ئامەت نېسىپ بولغىنى يوق، دېدى ئۇ.

مەۋلۇت

  • مەۋلۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە ئۇنى خاتىرىلەپ ئوقۇلىدىغان مەسنەۋى؛ بۇ مەسنەۋى ئوقۇيدىغان دىنىي مۇراسىم:[مىسال:] مەۋلۇت ئوقۇماق. مەۋلۇت ئۆتكۈزمەك.

مەۋلۇت ئاي

  • مەۋلۇت ئاي[كەسىپ تۈرى:]>ئاستىرونومىيە <رەببىيەلئەۋۋەل»گە قاراڭ.

مەۋھۇم

  • مەۋھۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەقىل بىلەن، پىكىر قىلىش ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغان؛ ئەقلىي، پىكرىي، ئابستراكىت:[مىسال:] مەۋھۇم چۈشەنچە. مەۋھۇم تەسۋىر. مەۋھۇم سان.[يەشمىسى:] ② كونكرېت ئەمەس، نائېنىق، مۈجمەل:[مىسال:] ئۇ ئاللىقانداق ئىگىدارچىلىقى ئېنىق بولمىغان مەۋھۇم بىرنەرسىدەك ئىدى.

مەۋھۇملۇق

  • مەۋھۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئابستراكتلىق؛ نائېنىقلىق، مۈجىمەللىك:[مىسال:] خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئېنىق بولۇش، ئۇسۇل، قەدەم باسقۇچ ۋە تەدبىرلەر كونكرېت بولۇش، مەۋھۇملۇق بىلەن كونكرېتلىق بىرلەشتۈرۈلۈش لازىم.

مەئىشەت

  • مەئىشەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۈندىلىك تىرىكچىلىك، ياشاش، تۇرمۇش كەچۈرۈش:[مىسال:] مەئىشىتىم يامان ئەمەس، خۇداغا شۈكۈر ئامان-ئېسەن كېتىۋاتىمەن.[يەشمىسى:] ② كەيپ-ساپا، ئەيش-ئىشرەت، ھۇزۇر-ھالاۋەت:[مىسال:] شائىر لۇتفى رېئال ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنىڭ لەززىتىنى خىيالىي جەننەتنىڭ مەئىشىتىدىن يۇقىرى قويۇپ يازىدۇ.

مەئىشەتپەرەس

  • مەئىشەتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەئىشەتكە بېرىلگەن، مەئىشەتنى ياخشى كۆرىدىغان:[مىسال:] بۇ شىلەپە تېنى ساغلام، مەڭزى قىزىل، يېشى توختىغان بۇ ئادەمنىڭ خۇشخۇي يۈزىگە سايە چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ مەئىشەتپەرەس، ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

مەئىشەتپەرەسلىك

  • مەئىشەتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەئىشەتكە بېرىلىش، مەئىشەتنى ياخشى كۆرۈش، كەيپ-ساپاغا ئامراقلىق:[مىسال:] بۇ ھېكايىدە مەئىشەتپەرەسلىك پاش قىلىنغان.

مەئىشەتلىك

  • مەئىشەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەئىشەت بىلەن ئۆتىدىغان:[مىسال:] مەئىشەتلىك تۇرمۇش.

مەي

  • مەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۈزۈمنى ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل ئىچىملىك؛ ۋىنو، مۇسەللەس؛ ھاراق، شاراب:[مىسال:] مەي ئىچمەك. مەي تۇتماق.[يەشمىسى:] ② مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تازا پىشقان چاغدىكى شىرىسى، شىرنە:[مىسال:] مەي باغلىماق. * ئەنجۈر پىشىپ مەي بولدى، تەمى ئوخشار شېكەرگە. بەلنى مەھكەم باغلىدۇق، يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە.

مەي باغلىماق

  • مەي باغلىماق[يەشمىسى:] شىرنە يىغماق، قەنت ماددىسى توپلانماق:[مىسال:] تۆمۈر ئاتا مەي باغلىغان شېرىن مۇناقى ئۈزۈمگە ئېغىز تېگىپ تۇرۇپ، سابىردىن ئۇنى-بۇنى سوراشقا باشلىدى.

مەيەر

  • مەيەر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ماۋۇ+يەر[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] مۇشۇ يەر، بۇ يەر:[مىسال:] ئاچا، قورسىقىڭىز ئاچتى بەلكى، مەيەرگە كېلىڭ، دېدى ساندۇلاچ باربىتچى ئايالنى باشلاپ كىرىپ.

مەيپەرەس

  • مەيپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەيگە بېرىلگەن، مەينى ياخشى كۆرىدىغان، مەينى كۆپ ئىچىدىغان، مەيخور:[مىسال:] مەيپەرەس ئادەم.

مەيپەرەسلىك

  • مەيپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەيگە بېرىلىش، مەينى ياخشى كۆرۈش، مەيگە ئامراقلىق، مەيخورلۇق.

مەيپۇرۇش

  • مەيپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەي ساتىدىغان ئادەم:[مىسال:] ئۇ ھە دېگەندە مەس بولۇۋېلىپ، مەيپۇرۇشنى ئاۋارە قىلاتتى.

مەيپۇرۇشلۇق

  • مەيپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەي سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] مەيپۇرۇشلۇق قىلماق.

مەيخانا

  • مەيخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھاراق-شاراب، مەي ساتىدىغان، ئىچىدىغان جاي؛ قاۋاقخانا:[مىسال:] ئۇ بۈگۈن بازاردىكى بىر مەيخانىغا بېرىپ، ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپتۇ.

مەيخور

  • مەيخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەينى، ئىچىملىكنى تولا ئىچىدىغان، ئىچىملىككە تولا بېرىلگەن، ئىچىملىك ئىچىشكە ئامراق:[مىسال:] مەيخور ئادەم.

مەيخورلۇق

  • مەيخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەينى، ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىشكە بېرىلىش، ئىچىملىك ئىچىشكە ئامراقلىق:[مىسال:] مەيخورلۇق قىلماق.

مەيدان

  • مەيدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كەڭ بوشلۇق، ئوچۇقچىلىق، سەينا:[مىسال:] كۆپ ئاماللارنى قىلىپ، ئۇ تاغنىڭ ئۈستىدىكى بىر مەيدانغا چىقتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، ھەرىكەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ياكى شۇنداق ئىش، ھەرىكەت بولىدىغان جاي، بوشلۇق؛ سەھنە:[مىسال:] ئىش مەيدانى. جەڭ مەيدانى. يىغىن مەيدانى. كۈرەش مەيدانى. خەلق مەيدانى. توپ مەيدانى. * مەردنى مەيداندا سىنا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددىلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئاساسىي شەكلى، يەنى مۇئەييەن دائىرىسى بولمىغان تارقاق خۇسۇسىيەتلىك ماددا. ئۇ ئېنېرگىيە، ھەرىكەت مىقدارى ۋە ماسسىغا ئىگە كېلىدۇ. فىزىكىلىق مەيدان ئۆزئارا تەسىرلىشىش مەيدانى بولۇپ، پۈتكۈل بوشلۇقتا مەۋجۇت.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ئىش، ۋەقە سادىر بولغان جاي:[مىسال:] نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرمەك.[يەشمىسى:] ⑤ قىسمەن ماشىنىلاشقان ھەمدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەلۇم بىر تۈرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا:[مىسال:] باغۋەنچىلىك مەيدانى. دېھقانچىلىق مەيدانى.[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] كۆرۈنۈش:[مىسال:] مەيدان خاتىرىلىگۈچى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەۋقە:[مىسال:] كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش لازىم.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قېتىم، نۆۋەت، مەرتەم (ئويۇن-تىياتىر ۋە توپ تۈرلىرى ھەققىدە):[مىسال:] ئۇلار ئاممىغا 45 مەيدان ئويۇن قويدى.[يەشمىسى:] ⑨ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلارغا بۆلۈنگەن ھەربىر بۆلىكى:[مىسال:] قارشى تەرەپ بىر توپ كىرگۈزۈۋالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋالغۇچە بىرىنچى مەيدان ئاخىرلاشتى.

مەيدانغا چۈشمەك

  • مەيدانغا چۈشمەك[يەشمىسى:] ① ئېلىشىش ئۈچۈن مەيدانغا كىرمەك:[مىسال:] قاسىم پالۋانمۇ مەيدانغا چۈشتى.[يەشمىسى:] ② ئىشقا كىرىشمەك، تۇتۇش قىلماق:[مىسال:] شۆھرەت ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، بىلەكلىرىنى شىمايلاپ ئۆزى مەيدانغا چۈشۈپتۇ.

مەيدانچاق

  • مەيدانچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك مەيدان:[مىسال:] بۇ بىنا بەش بۇرجەكلىك بولۇشىغا قارىماي، ئىشىكىنىڭ ئالدىدا كىچىكرەك مەيدانچىقى بار ئىدى.

مەيدانخانا

  • مەيدانخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەست قىلىدىغان چېكىملىكلەر چېكىلىدىغان ئۆي.

مەيدانسىز

  • مەيدانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەيدانى، مەۋقەسى يوق؛ نوقۇل، تۇتامسىز، ئاسان ئاغىدىغان:[مىسال:] مەيدانسىز ئادەم.

مەيدانكەش

  • مەيدانكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەيدانخانا ئېچىپ تىجارەت قىلغۇچى كىشى، مەيدانخانا خوجايىنى.

مەيدانكەشلىك

  • مەيدانكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەيدانخانا ئېچىپ تىجارەت قىلىش ئىشى.

مەيدانلاشتۇرماق

  • مەيدانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مەيدانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆيۈڭ مەيدانلاشتۇرۇشقا تاقىشىۋاتىدۇ، چاقمىساق بولمايدۇ، ئۆينى بوشات دەپ ۋارقىرىدى كەنت باشلىقى.

مەيدانلاشتۇرۇلماق

  • مەيدانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مەيدانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مەيدانلاشماق

  • مەيدانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئۆزگەرتىلمەك، سالا-سالا ئېتىزلارغا ئايلانماق:[مىسال:] يېزىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى مەيدانلاشتى.

مەيدەⅠ

  • مەيدەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بويۇننىڭ ئاستىنقى قىسمىدىن تارتىپ قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغىچە بولغان گەۋدە ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] قىز ئىختىيارسىز ھالدا ئەزىزنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويدى.[يەشمىسى:] ② ھەزىم قىلىش ئورگانىزمى، ئاشقازان:[مىسال:] كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش (ماقال).

مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار

  • مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار[يەشمىسى:] ھەقىقىي ئەركەك، ھەقىقىي ئەر:[مىسال:] مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار ئوغۇل بالا خاڭچى بولالايدۇ، ياخشى ئۆگەن، دەيتتى بوۋاي يىگىتىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ.

مەيدىسىگە تەپمەك

  • مەيدىسىگە تەپمەك[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ بەرگەن ئاش-نېنى، قىلغان ياخشىلىقى، يامان غەرەزلىرىنى قوزغىماق:[مىسال:] نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەرگەن ئاش-نېنىم مەيدەڭگە تەپتىمۇ يوقال كۆزۈمدىن، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان نائەھلى.

مەيدىسىگە ئۇرماق

  • مەيدىسىگە ئۇرماق[يەشمىسى:] مەردلىكىنى بىلدۈرمەك؛ قەتئىي ۋەدە بەرمەك، ئېيتىلغان ئىش-ھەرىكەتنى چوقۇم ئورۇنلاش ئىشەنچىسىنى بىلدۈرمەك:[مىسال:] ئاكامدىن قالسام قۇلىقىمنى كېسىۋېتىمەن، دېدى ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ.

مەيدىسىنى كەرمەك

  • مەيدىسىنى كەرمەك[يەشمىسى:] ھاكاۋۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭدىن كۆرە ئايروپىلان ئېلىپ، مەيدەڭلەرنى كېرىپ يۈرسەڭلار بولمامدۇ، دېدى ئۇ بىزگە قاراپ.

مەيدەⅡ

  • مەيدەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇششاق، كىچىك:[مىسال:] مەيدە ئىش.

مەيدە-چۈيدە

  • مەيدە-چۈيدە[يەشمىسى:] «ئۇششاق-چۈششەك»كە قاراڭ.

مەيدىلىك

  • مەيدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەيدىسى بار، مەيدىسى كەڭ:[مىسال:] ئېگىز بوي، كەڭ مەيدىلىك بىر ئادەم كىرىپ كەلدى.

مەيدىلىمەك

  • مەيدىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇششاق قىلماق، پارچىلىماق، ئۇششاقلىماق.

مەيزاب

  • مەيزاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۈزۈمنى يەرلىك ئۇسۇلدا ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل ئىچىملىك؛ مۇسەللەس.

مەيل

  • مەيل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى ئىشقا بولغان ئىشتىياق، قىزىقىش، ئىنتىلىش؛ ھەۋەس:[مىسال:] ئۇسسۇلۇققا مەيلىڭىز بولسا مەيەرگە كېلىڭ، دەپ چاقىردى رەيھان مېنى يېقىملىق كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.[يەشمىسى:] ② رىغبەت، ئىختىيار؛ راي:[مىسال:] چىرايىدىن ئۇنىڭ مېنىڭ بىلەن داۋاملىق پاراڭلىشىشقا مەيلى بارلىقى بىلىنەتتى.[يەشمىسى:] ③ كۆڭۈلنىڭ مايىللىقى، رايى، خاھىشى؛ ئىشق، ھەۋەس:[مىسال:] تۆمۈر خەلپە بۇ ئىككىيلەننى چېتىپ قويۇش خىيالىغا كېلىپ، ھۆسنارخاننىڭ مەيلىنى بىلىپ بېقىشنى روزىخانغا تاپشۇرغانىدى.

مەيلى بار

  • مەيلى بار[يەشمىسى:] كۆڭلى چۈشكەن، كۆڭلى بار:[مىسال:] ھە، گەپلەشتىم، مەيلى باردەك قىلىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى روزىخان ئۇنىڭ جاۋابىغا.

مەيلى چۈشمەك

  • مەيلى چۈشمەك[يەشمىسى:] ياخشى كۆرۈپ قالماق، مۇھەببەت پەيدا بولماق:[مىسال:] ئەختەرنىڭ ئاشۇ يىگىتكە مەيلى چۈشكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئانىسى خېلى بۇرۇنلا سېزىپ قالغانىدى. * بېدە-بېدەك پىشىپتۇ، ئۆيگە مېھمان چۈشۈپتۇ. شۇنچە خەقنىڭ ئىچىدە سىزگە مەيلىم چۈشۈپتۇ.

مەيلى يوق

  • مەيلى يوق[يەشمىسى:] كۆڭلى تارتمايدۇ، خالىمايدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ ساڭا مەيلى يوق بولسا كەينىگە كىرىۋالغىنىڭ بىكار. * مۆمىننىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا زادىلا مەيلى يوق ئىكەن. * سەيلىخان ئاچا، دېدى ئايشەم ئەزىزەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، ھازىرچە تاماققا مەيلى يوق.

مەيلى

  • مەيلى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، رازى بولۇش؛ ئىختىيارىغا قويۇش، پەرۋا قىلماسلىق؛ تەۋەككۈل قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەيلى، خاپا بولساڭ بولىۋەر، دېدى دىلدار ماڭا سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن يەنە قوشۇمچە قىلىپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] پەرەز بېقىندى جۈملىلەردىن كېيىن كېلىپ، ئۇنى توسقۇنسىز قارشىلىق بېقىندى جۈملىگە ئايلاندۇرىدۇ:[مىسال:] ئۇ كەلمىسە مەيلى، يىغىننى ئېچىۋېرەيلى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] بۇيرۇق، تەلەپ مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنى يەنە بىر خىل توسقۇنسىز قارشىلىق بېقىندى جۈملىگە ئايلاندۇرىدۇ:[مىسال:] ۋەكىللەر مەيلى نەگە بارمىسۇن، قىزغىن قارشى ئېلىندى.

مەيلىچە

  • مەيلىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىختىيارىچە، خاھىشىچە، خىيالىچە:[مىسال:] قورساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر (ماقال).

مەينەت

  • مەينەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىر، پاكىز ئەمەس، پاسكىنا:[مىسال:] مەينەت كىيىم. مەينەت قول. مەينەت ئادەم.

مەينەتچىلىك

  • مەينەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەينەت ھالەت؛ پاسكىنىچىلىق:[مىسال:] راست، دېمىسىمۇ نېمىدېگەن مەينەتچىلىك بۇ، دېدى يوغان ئادەم كالپۇكلىرىنى ھىمىرىپ.

مەينەتلەشتۈرمەك

  • مەينەتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مەينەتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھوي، بالام چاپىنىڭنى نېمانچە مەينەتلەشتۈرگەنسەن دېدى ئانا بالىسىنىڭ لايغا مىلەنگەن چاپىنىغا قاراپ.

مەينەتلەشتۈرۈشمەك

  • مەينەتلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «مەينەتلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مەينەتلەشمەك

  • مەينەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەينەت، پاسكىنا ھالغا كەلمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇزۇن ئورۇق پۇتلىرى مەينەتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، داق يەردە خۇددى ئۆگزىدىن يېقىلىپ چۈشۈپ ھوشىدىن كەتكەندەك ياتاتتى.

مەيۈس

  • مەيۈس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] روھى چۈشكۈن، روھسىز، ئۈمىدسىز، غەمكىن، پەرىشان:[مىسال:] مەيۈس ئادەم.

مەيۈسانە

  • مەيۈسانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەيۈس قىياپەتتە، مەيۈس بولۇپ، مەيۈسلۈك بىلەن؛ غەمكىن:[مىسال:] ئۇنىڭغا كەچۈرۈم سورىغان قىياپەتتە مەيۈسانە قاراپ قويۇپ، ۋايىت ئەپەندىنىڭ كەينىدىن مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم.

مەيۈسلەندۈرمەك

  • مەيۈسلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «مەيۈسلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئەھۋال مېنى مەيۈسلەندۈردى.

مەيۈسلەنمەك

  • مەيۈسلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەيۈسلۈك ھېس قىلماق، مەيۈسلۈككە چۈشمەك، مەيۈس بولماق:[مىسال:] بىز ئەما، بۇنىڭغا نېمە ئامال دېدى شائىر مەيۈسلىنىپ.

مەيۈسلۈك

  • مەيۈسلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەيۈس ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدىن بىر خىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.

مەيۈسلىنىشمەك

  • مەيۈسلىنىشمەك[يەشمىسى:] «مەيۈسلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار نېمىنى ئويلىشىدۇ ۋە نېمە توغرىسىدا مەيۈسلىنىشىدۇ. بۇ بولسا قىزلارنىڭ بىزگە نامەلۇم بولغان ئىچكى سىرلىرى.

مەيۋازلىق

  • مەيۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ مەي ئىچىش، مەيگە ھەددىدىن تاشقىرى بېرىلىش:[مىسال:] ئۇلار سايىدا مەيۋازلىق قىلىشتى.

مەيۋەن

  • مەيۋەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭغا ۋە ئائىلىسىگە لازىملىق نەرسىلەرنى بازاردىن سېتىۋالىدىغان كىشى.

مەيىن

  • مەيىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① پاختا، يىپەككە ئوخشاش يۇمشاق، قولغا يۇمشاق سىلىق تېگىدىغان:[مىسال:] مەيىن چاچ.[يەشمىسى:] ② يېنىك، لەرزان، يېقىملىق:[مىسال:] مەيىن شامال.

موⅠ

  • موⅠ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يەرنىڭ يۈزىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى. تەخمىنەن 7.666 كۋادرات مېتىرغا تەڭ. ئادەتتە ئۇ گېكتارنىڭ [SX(]1[]51[SX)] گە توغرا كېلىدۇ:[مىسال:] بىر مو يەر. ئۈچ مو ئېتىز.

مو سالماق

  • مو سالماق[يەشمىسى:] يەر-مەيدان، قورۇقلارنى مونى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ ئۆلچىمەك، ئۆلچەپ چىقماق:[مىسال:] دادام بىلەن ئىككىمىز پۈتۈن زېمىنىمىزنى مو سېلىپ ئۆلچەپ چىقىۋىدۇق، توپتوغرا بەش مو چىقتى.

موⅡ

  • موⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزنىڭ كونا پارچە پۇل بىرلىكى. ئۇ يۈەننىڭ ئوندىن بىرىگە يەنى ئون پۇڭغا توغرا كېلىدۇ:[مىسال:] ئىككى مو پۇل.

موⅢ

  • موⅢ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توك ئۆتكۈزۈش بىرلىكى. ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى ئۆتكۈزگۈچ قارشىلىقىنىڭ ئەكس سانىغا تەڭ. مەسىلەن، بىردانە ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى ئۈچ ئوم بولسا، ئۇنىڭ توك ئۆتكۈزۈش بىرلىكى [SX(]1[]3[SX)] مو بولىدۇ.

موبى

  • موبى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قوي يۇڭى، قىل، ئاغمىخان تۈكى قاتارلىقلاردىن ياسىلىدىغان، خەت يېزىش، رەسىم سىزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قەلەم:[مىسال:] موي قەلەم.

موتاتماق

  • موتاتماق[يەشمىسى:] «موتىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

موتاشماق

  • موتاشماق[يەشمىسى:] «موتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

موتەر

  • موتەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۆگىلەرنى باشقۇرغۇچى (كونا مەنسەپ نامى).

موتەك

  • موتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ كىچىككىنە تومپىيىپ چىقىپ قالغان جايى ياكى كۆتەك يېرى:[مىسال:] دەرەخنىڭ موتىكى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىچىك بالىلارنى ئەركىلىتىپ ئېيتىلىدىغان «كىچىك ھەم يۇمىلاق، دىقماق» دېگەن مەنىدىكى سۆز.

موتسىكلىت

  • موتسىكلىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان، مىنىشكە ئەپلىك ۋە تېز سۈرئەتلىك قاتناش قورالى.

موتىماق

  • موتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىمدىماق.

موچەن

  • موچەن[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «موⅡ»گە قاراڭ:[مىسال:] سەككىز موچەن.

موچەنلىك

  • موچەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] موچەن قىممىتىدىكى، موچەنگە يارايدىغان:[مىسال:] 12 موچەنلىك قەلەم.

موچىن

  • موچىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بەدەندىكى ئەھمىيەتسىز دەپ قارالغان تۈكلەرنى يۇلۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قىسقۇچ ئەسۋاب.

موخازا

  • موخازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئالتۇندىن گۈل چىقىرىپ ياسالغان، دوپپىغا قادايدىغان قاداق، زىننەت بۇيۇمى.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن باش كىيىمىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئورنىتىلغان تۈرلۈك شەكىلدىكى سىمۋوللۇق بەلگىلەر.

موخەك

  • موخەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كېكىردەك، بۇغدىيەك.

موخوركا

  • موخوركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كۆك تاماكىنىڭ يوپۇرماق ۋە ياغىچىنى قۇرۇتۇپ، ئۇۋاپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بىر خىل تاماكا.

موخوركىچى

  • موخوركىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس موخوركا ياساپ ساتىدىغان كىشى.

مودا

  • مودا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر دەۋردە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ دەۋر سۈرگەن، بازار تاپقان ھەم كەڭ تارقالغان تۈرلۈك ئادەت، كىيىم-كېچەك ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] مۇشۇنداق قارىسىغا ھۆكۈم قىلىش بىزدە ھازىر مودا بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② شەكىل، پاسون، ياڭزا:[مىسال:] سائادەت قىزىغا يېڭى مودىدا يوپكا تىكىپ بەرگەنىدى.

مودەن

  • مودەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «مودەنگۈل»گە قاراڭ.

مودەنگۈل

  • مودەنگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مودەن+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. داڭلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكىدۇر. يىلتىز پوستى دورا بولىدۇ. ئىسسىقنى ياندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى تەڭشەش روللىرىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

مودېرنىزم

  • مودېرنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە بۇرژۇئا ئەدەبىياتىدا پەيدا بولغان ئېقىم، بۇ ئېقىم مەزمۇنسىز سەنئەتنى تەرغىب قىلىدۇ.

مودېل

  • مودېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشىنى بەلگىلىك ماسشتاب بويىچە كىچىكلىتىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان خۇددى شۇ نەرسىنىڭ ئۆزىدەك نەرسە، شەكىل:[مىسال:] ئايروپىلان مودېلى. پاراخوت مودېلى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<[يەشمىسى:] رەسىم سىزىش، فوتو سۈرەت تارتىش ۋە ھەيكەلتاراشلىقتا شەكىل ئوبيېكتى قىلىنغان ھەيكەل، ئادەم ۋە باشقا نەرسىلەر.[يەشمىسى:] ③ مودا كىيىم كۆرەكلىرىدە، كىيىم پاسونلىرىنى كىيىپ تۇرۇپ ئاممىغا كۆرسىتىدىغان كىشىلەر.

مودېللاشتۇرماق

  • مودېللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مودېللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مودېللاشتۇرۇلماق

  • مودېللاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مودېللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مودېللاشماق

  • مودېللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مودېل ھالىتىگە كەلمەك، مودېلغا ئايلانماق.

مودىلىق

  • مودىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مودا ھېسابلانغان، مودا بولۇپ قالغان:[مىسال:] ئۆيدە زامانىمىزدىكى ئەڭ يېڭى مودىلىق جاھازىلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.

مور

  • مور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «قېرىنقۇلاق»قا قاراڭ.

مورا

  • مورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆينى ئىسسىتىش ئۈچۈن تامغا ئويۇپ ياكى قوپۇرۇپ چىقارغان ئالدى ئوچۇق قۇرۇلما:[مىسال:] ئاجايىپ چىرايلىق نەقىشلەنگەن مورىدا ئۆرۈك ئوتۇنى خۇش پۇراق چېچىپ كۆيۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② تۇرخۇن:[مىسال:] مورىدىن چىققاندەك بولۇپ كېتىپسەن.

مورا بېشى

  • مورا بېشى[يەشمىسى:] چىراغ، گۈڭگۈرت، سەرەڭگە قاتارلىقلارنى قويۇش ئۈچۈن ئوچاقنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان تەكچە:[مىسال:] دادام قارا چىراغنى پەم بىلەن مورا بېشىغا قويۇپ، يېنىمغا كېلىپ بېشىمنى سىلاپ، مىشىلداپ يىغلاپ كەتتى.

مورىدىن تۈتۈن چىقارماق

  • مورىدىن تۈتۈن چىقارماق[يەشمىسى:] ئاچ قالماي غورىگۈل ياشىماق، قەدىر ئەھۋال ياشىماق:[مىسال:] خۇداغا شۈكۈر، ئۇكام، ھەر ھالدا مورىدىن تۈتۈن چىقىرىۋاتىمىز، دېدى بوۋاي ماڭا تەبەسسۇم بىلەن.

مورفولوگىيە

  • مورفولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزملارنىڭ سىرتقى ھالىتى، ئىچكى تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق تۈرلىرى (سۆز تۈركۈملىرى)، سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش قائىدىلىرىنى ۋە سۆزلەرنىڭ ھەر خىل گرامماتىكىلىق شەكىللىرى ھەم شۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن گرامماتىكىلىق مەنىلىرىنى، بۇلارنىڭ ھەر خىل قاتلام مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى.

مورفولوگىيىلىك

  • مورفولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مورفولوگىيىگە ئائىت، مورفولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرگە ئىنتايىن باي تىل.

مورفېما

  • مورفېما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىلدىكى مەنىلىك بۆلەكلەرگە ئاجراتقىلى بولمايدىغان مەنە ئىپادىلىگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىك. ئەڭ كىچىك مەنىلىك بۆلەك.

مورفىن

  • مورفىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا، يەنى ئورگانىك بىرىكمە. ئاق رەڭلىك كرىستاللىق ماددا، تەمى ئاچچىق زەھەرلىك، ئەپيۈندىن ياسىلىدۇ، دورىگەرلىكتە ئاغرىق پەسەيتكۈچى قىلىنىدۇ. داۋاملىق ئىشلەتكەندە ئوڭايلا خۇمار قىلىپ قويىدۇ.

مورفىنىزم

  • مورفىنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مورفىننى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە زەھەرلىنىشتىن بولىدىغان خۇمار، مورفىن خۇمارى.

مورگانىزم

  • مورگانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئامېرىكا بىئولوگىيە ئالىمى مورگان (Thomas Hunt Morgan) ياراتقان بىر خىل ئىرسىيەت تەلىماتى. مورگانىزم مېندېلىزمنىڭ ۋارىسى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئىرسىيەتنىڭ ماددىي ئاساسى ھۈجەيرە خروموسومىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان گېندىن ئىبارەت؛ ئېرىشىلگەن خۇسۇسىيەتلەر ئىرسىيەت بولۇپ قالمايدۇ دەپ قارايدۇ.

مورلاتماق

  • مورلاتماق[يەشمىسى:] «مورلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مورلاشماق

  • مورلاشماق[يەشمىسى:] «مورلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تۆت ئەخمەق ئۇرۇشقاندىمۇ شۇنداق بەتتەر ئۇرۇشۇپتۇكى، كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، يۈز-كۆزلىرىنى مورلىشىپتۇ.

مورلانماق

  • مورلانماق[يەشمىسى:] «مورلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر چاغدا دەسسىلىپ-چەيلىنىپ، تۈگمىلىرىم ئۈزۈلۈپ، يۈز-كۆزلىرىم مورلىنىپ ئاران دېگەندە تالون يازدۇرۇپ، ئۇن جىڭلىتىدىغان ئۆيگە كىرەلىدىم.

مورلىماق

  • مورلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تاتىلىماق، تىرناقلىرى بىلەن تاتىلاپ زېدە قىلماق:[مىسال:] ئايتىللا ئۆزىنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى مورلاپ، چاچلىرىنى يۇلۇشقا باشلىدى.

مورۇشۇ

  • مورۇشۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى. مېۋىسى نىسبەتەن يوغان ھەم گۆشلۈك بولۇپ، گۈلە قۇرۇتۇشقا ئىنتايىن باب.

مورېنا

  • مورېنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] مۇزلۇق يۆتكىلىپ دۆۋىلەنگەن تۈرلۈك ماددىلارنىڭ ئورتاق نامى.

مورىگول

  • مورىگول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆمۈرچىلىكنىڭ يوغانراق تۆمۈرلەرنى قىسىدىغان قىسقۇچى.

مورىلىق

  • مورىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مورىسى بار، مورا چىقىرىلغان، مورا قويۇلغان:[مىسال:] ئۆينىڭ غەرب تەرەپتىكى تېمىغا يۆلەپ، مورىلىق ئوچاق سېلىنغانىدى.

موزا

  • موزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى ئۇزۇن، تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى كىچىك، ئاق سېرىق رەڭدە. ئۈچكىلىك مېۋە تۇتىدۇ. ئەفسىس پىتى ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئۈستىدە ياشايدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى. تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ.

موزاي

  • موزاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنەكنىڭ كىچىك بالىسى.

موزايلاتماق

  • موزايلاتماق[يەشمىسى:] «موزايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

موزايلىق

  • موزايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] موزىيى بار، موزاي ئەگەشتۈرۈۋالغان؛ موزايغا ئىگە:[مىسال:] ئۇ ھېلىقى موزايلىق ئىنىكىنى يېتىلەپ كېلىۋاتاتتى.

موزايلىماق

  • موزايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] موزاي تۇغماق (ئىنەك ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ ئىنىكى موزايلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ھارام بولۇپ قالدى.

موزايۋېشى

  • موزايۋېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]موزاي+باش+ئى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. دۈمبىسى چاي رەڭگىدە، قورسىقى سارغۇچ قوڭۇر بولىدۇ. ئالدىنقى پۇتى تەرەققىي قىلغان، ئوتىغۇچ شەكلىدە، توپا كولاشقا ماسلاشقان. قۇيرۇق قىلىچلىرى بولىدۇ. لاي تۇپراقتا ياشايدۇ، كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ نوتىلىرىنى يەيدۇ.

موزدۇز

  • موزدۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىملىرىنى تىكىدىغان ھۈنەرۋەن، ئۇستا.

موزدۇزخانا

  • موزدۇزخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موزدۇزلارنىڭ ئاياغ كىيىم تىكىدىغان ئۆيى، موزدۇزلار ھۈنەر قىلىدىغان ئۆي:[مىسال:] مەن موزدۇزخانىغا يەنە بېرىپ، ھېلىقى ئۆتۈكنى سۈيلەپ كەلدىم.

موزدۇزلۇق

  • موزدۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس ئاياغ كىيىملىرىنى تىكىش كەسپى، ھۈنىرى:[مىسال:] ئوغلۇم موزدۇزلۇقنى خېلى ئۆگىنىپ قالدى.

موزىچىلار

  • موزىچىلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] دەسلەپكى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر خىل سىياسىي ئىدىيىۋى ئېقىم. ئاساسچىسى موزى (مودى). ئۇ كىشىلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشى ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغان.

موس

  • موس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ بوش، يۇمشاق بىرنەرسە ئۈستىگە چۈشۈشى، كىرىشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] كاسامغا موسلا قىلىپ يىڭنە سانجىدى شۇ دېدى بالا ماڭا قاراپ شوخلۇق بىلەن.

موسسىدە

  • موسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] موس قىلىپ، موس قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «موس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] موسسىدە كىرمەك.

موس-موس

  • موس-موس[يەشمىسى:] ① «موس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② قاتتىق، چۈرۈك ئەمەس، يۇمشاق:[مىسال:] موس-موس قوغۇن.

موسۇلداتماق

  • موسۇلداتماق[يەشمىسى:] «موسۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

موسۇلدىماق

  • موسۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «موس-موس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق.

موك

  • موك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ ناھايىتى تېز، بىردىنلا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سۆز:[مىسال:] موك چۈشمەك. موك سالماق.

موكا

  • موكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① توقۇمىچىلىقتا رەختلەرنىڭ ئۆرۈشىگە ئارقاقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدىغان نەرسە، ئىككى ئۇچى ئىنچىكە، ئوتتۇرىسى تومراق بولغان توقۇش سايمىنى:[مىسال:] ئۇ دادىسىنىڭ دەستىگاھى يېنىدا موكىغا يىپ تۈردى.[يەشمىسى:] ② تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاستىنقى يىپىنى ئۈستىگە چىقىرىپ بېرىش رولىنى ئوينايدىغان كىچىك غالتەككە ئوخشاش نەرسە.

موككىدە

  • موككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «موك» قىلىپ، موك قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ: ئازراق دەم ئالايلىچۇ، دېدى-دە، موككىدە ياتتى.

موكلىماق

  • موكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالدىماق، گوللىماق، ھىيلە ئىشلىتىپ باشقىلارنى پايدىدىن قۇرۇق قويۇپ، ئۆزى نەپ ئالماق:[مىسال:] ھە، دېدى ئۇ قىيسىق كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، — سەنزە مېنى راسا موكلاي دېگەنىكەنسەن-دە ھۇ ئەخمەق

موك-موك

  • موك-موك[يەشمىسى:] «موك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئالدىمىزغا كەلگەننىلا موك-موك سوقىمىز دېسەكمۇ بولماس، ئۇ سەل ئېھتىيات قىلغاندەك قىلىپ.

موكىبېلىق

  • موكىبېلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]موكا+بېلىق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقلار تۈركۈمىنىڭ مۇللېت بېلىقى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئېلىمىز ۋە چاۋشەن، ياپۇنىيە دۆلەتلىرىنىڭ دېڭىز بويلىرىغا تارقالغان. بېقىپ ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.

موكىسىمان

  • موكىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① شەكلى موكىغا ئوخشايدىغان:[مىسال:] موكىسىمان باكتېرىيە.[يەشمىسى:] ② موكىغا ئوخشاش، ئۇ تەرەپتىن بۇ تەرەپكە، بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان:[مىسال:] موكىسىمان دىپلوماتىيە.

موگو

  • موگو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار كلاسى، قالپاقلىق زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىدىكى ئۇزۇق قىلىنىدىغان بىر خىل زەمبۇرۇغ. قاتلاقلىرى يۇمران ۋاقتىدا ئاچ بېغىر رەڭ بولۇپ، كېيىن قارىيىدۇ. سېپى ئۈستىدە ھالقىسى بولىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچىسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ℃22، خالتا تەنچىسىنىڭ بولسا ℃ 16 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئات، كالا تېزەكلىرى ياكى چوشقا قىغى، شال پاخىلى ياكى مەڭگەن بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، دۆۋىلەپ چىرىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆستۈرگۈچىسى قىلىنىدۇ. ئادەتتە كۈز، قىش ۋە ئەتىيازدا ئۆستۈرۈش ئەڭ مۇۋاپىق، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلمەكتە.

موڭغۇل

  • موڭغۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا مەركەزلەشكەن. ئۇنىڭدىن قالسا لياۋنىڭ، جىلىن، شىنجاڭ، خېيلوڭجياڭ، چىڭخەي، خېبىي، خېنەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. چەت ئەللەردىن تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار.

موڭغۇل ئىرقى

  • موڭغۇل ئىرقى[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىرقنىڭ بىرى. بۇ ئىرقتىكىلەرنىڭ چىرايى سېرىق، چاچلىرى قارا ۋە تۈز، يۈزى ياپىلاق كېلىدۇ، ئۇلار ئاساسەن ئاسىيانىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىغا تارقالغان.

موڭغۇلچە

  • موڭغۇلچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] موڭغۇللارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] موڭغۇلچە يېزىق. موڭغۇلچە كىيىم. موڭغۇلچە ئۇسسۇل. موڭغۇلچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موڭغۇل تىلى:[مىسال:] ئۇ موڭغۇلچىنى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] موڭغۇل تىلىنى ئىشلىتىپ، موڭغۇل تىلىدا:[مىسال:] موڭغۇلچە سۆزلىمەك.

مولⅠ

  • مولⅠ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددا مىقدارىنىڭ بىرلىكى. بەلگىسى «MOL». ئۇ خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىدىكى ئاساسىي بىرلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەلۇم بىر ماددا سىستېمىسى تەركىبىدىكى زەررىچىلەرنىڭ (مەسىلەن، مولېكۇلا، ئاتوم، ئىئون، ئېلېكترون ۋە باشقا زەررىچىلەرنىڭ) سانى، ماسسىسى 012.0 كىلوگرام كېلىدىغان كاربون (21C)21 — تەركىبىدىكى ئاتوملارنىڭ سانىغا تەڭ بولسا، بۇ ماددىلارنىڭ مىقدارى بىر مول بولىدۇ.

مولⅡ

  • مولⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ناھايىتى كۆپ، جىق، نۇرغۇن:[مىسال:] يۇرتىمىزنىڭ بايلىقى مول، يەرلىرى كەڭرى.[يەشمىسى:] ② يېتەرلىك دەرىجىدە كۆپ (داستىخان ھەققىدە):[مىسال:] ناھايىتى مول داستىخان بوپتۇ، دېدى ھوشۇر نان ئوشتۇۋېتىپ.[يەشمىسى:] ③ مەزمۇن، دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، خىلمۇخىل تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (گەپ-سۆز قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ناھايىتى مول بولدى، دېيىشمىگەن گەپلىرى قالمىدى.

مولاتماق

  • مولاتماق[يەشمىسى:] «مولىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مولاشماق

  • مولاشماق[يەشمىسى:] «مولىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مولانماق

  • مولانماق[يەشمىسى:] «مولىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مولچىلىق

  • مولچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەممە نەرسە مول بولۇپ، ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان ھالەت؛ پاراۋانلىق:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي نېمانچە مولچىلىق بۇ

موللا

  • موللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئىسلام دىنى بىلىملىرى ھەققىدە بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەن كىشى، ئىسلام دىنى ئەربابى:[مىسال:] ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس (ماقال). * ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت (ماقال).[يەشمىسى:] ② كىشىلەرگە دىنىي تەلىم بەرگۈچى، ئىسلام دىنىي بىلىملىرىنى ئۆگەتكۈچى كىشى؛ ئۇستاز؛ ئوقۇتقۇچى:[مىسال:] خوجا سەئىد قىزىنى موللىغا ئوقۇغىلى بەرگەنىكەن.

موللا تاپقاق

  • موللا تاپقاق[يەشمىسى:] بىر ئىشلارنى ئاسانلا بىلىۋالىدىغان، بايقىۋالىدىغان كىشى؛ سەزگۈر كىشى:[مىسال:] ئۆزۈڭمۇغۇ بەك موللا تاپقاق، چاقىرغاندەكلا كەلگىنىڭنى قارا.

موللا مۈشۈك

  • موللا مۈشۈك[يەشمىسى:] بەك ياۋاش، قۇرقۇنچاق، ھېچبىر ئىشنى جۈرئەتلىك قىلالمايدىغان:[مىسال:] ۋاي بىچارە، بەزىبىر ئىشلارغا كەلگەندە يۈرىكىڭ قاپتەك قىلغان بىلەن خوتۇنۇڭنىڭ ئالدىغا بارغاندا موللا مۈشۈك بولۇپ قالىدىكەنسەن-دە

موللاتماق

  • موللاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپەيتمەك، جىقايتماق، ئاۋۇتماق.

موللاشتۇرماق

  • موللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «موللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ شىپاخانا مىللىي دورا-دەرمەكلەرنى موللاشتۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

موللاشتۇرۇلماق

  • موللاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «موللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن داستىخان تېخىمۇ موللاشتۇرۇلدى.

موللاشماق

  • موللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپ، نۇرغۇن بولۇپ كەتمەك؛ مول ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] يېمەك-ئىچمىكىمىز موللىشىپ كەتتى.

موللاق

  • موللاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بېشى يەردە، پۇتى بوشلۇقتا تۇرۇش؛ پۇتىنى بوشلۇققا، بېشىنى يەرگە قىلىش ھەرىكىتى:[مىسال:] بالىلار يۇمشاق پاخالدا موللاق ئېتىشىپ تۆۋەنگە قاراپ قېچىپ كېتىشتى.

موللاق ئاتماق

  • موللاق ئاتماق[يەشمىسى:] ① سەكرەپ بېشىنى يەرگە، پۇتىنى ئاسمانغا قىلپ پۇتىنى بېشىدىن ھالقىتىپ يەنە پۇتى بىلەن يەرگە چۈشمەك:[مىسال:] مەن بۇنى ئىمىر ئادىشىم بىلەن موللاق ئېتىپ ئوينىغان قۇمدىن تېپىۋالدىم. * ئۇ تېرەكتىن موللاق ئېتىپ چۈشۈپ، يانپىشىنى سۇندۇرۇۋالغان.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بېشى يەرگە، پۇتى ئاسمانغا بولۇپ يىقىلماق:[مىسال:] ئۇ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىغا مەھكەم يېپىشىۋالغانلىقتىن سۇغا موللاق ئېتىشتىن ساقلىنىپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھوقۇقىدىن، مەنسىپىدىن ئايرىلىپ قالماق؛ ئاغدۇرۇلماق:[مىسال:] بېيجىڭ خانى ئاللىقاچان موللاق ئاتتى.

موللاقچى

  • موللاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① موللاق ئېتىشقا ئۇستا كىشى ياكى نەرسە:[مىسال:] مولاقچى بالا. موللاقچى كەپتەر.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پاھىشە، بۇزۇق، ئەخلاق-ئىستىلى ناچار ئايال.

موللاقلىماق

  • موللاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① موللاق ئاتماق:[مىسال:] يەنە بىرنەچچە ئات يۈگۈرگەن پېتى موللاقلاپ چۈشۈپ يېتىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاغدۇرۇلماق، غۇلىماق، ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقماق:[مىسال:] روزى موللاقلىدى، ئەمدى رەيھانەمگە كەلدى.

موللام

  • موللام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «موللا» سۆزىنىڭ ھۆرمەت شەكلى:[مىسال:] موللام كەلدى، ئالدىغا چىققىن، دېدى زەينەپخان ئېرىنىڭ يېڭىنى تارتىپ.

موللاۋى

  • موللاۋى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر خىل سورتى.

موللىقوپقاق

  • موللىقوپقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]موللا+قوپقاق[[يەشمىسى:] بىر خىل بالىلار ئويۇنچۇقى.

موللىلىق

  • موللىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موللىغا خاس ئادەت، قىلىق، ھەرىكەت:[مىسال:] سېنىڭ بۇ چىرايىڭدىن موللىلىق كۆرۈنمەيدۇ، مەكتەپتە ئوقۇغانمىدىڭ

مولۇقⅠ

  • مولۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆلىمى موغا تەڭ كېلىدىغان، مو ئۆلچىمىدىكى:[مىسال:] ئالتە مولۇق يەر.

مولۇقⅡ

  • مولۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مو قىممىتىدىكى، «مو» دەپ ئاتىلىدىغان:[مىسال:] بىرمولۇق پۇل.

مولۇن

  • مولۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچىلەر كلاسى مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋان. مۈشۈككە ئوخشايدۇ. تېنى قوپال ھەم قىسقا، قۇلىقى قىسقا ھەم يۇمىلاق، ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىلىقى يىراقراق بولىدۇ. پۈتۈن تۈكى سېرىق، دۈمبىسى توق، قورسىقى سۇس، تىۋىتى قېلىن ھەم زىچ بولىدۇ. تېرىسى خېلى ئەتىۋارلىق بولۇپ، جۇۋا ياكى باش كىيىملىرىنى تىككىلى بولىدۇ.

مولېكۇلا

  • مولېكۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ ئەسلىدىكى بارلىق خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلىغان ۋە مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ئەڭ كىچىك زەررىچە. ئاتومدىن تۈزۈلىدۇ.

مولېكۇلىلىق

  • مولېكۇلىلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مولېكۇلىسى بار، مولېكۇلىغا ئىگە:[مىسال:] مولېكۇلىلىق باغ. مولېكۇلىلىق ئېرىتمە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مولېكۇلا ئارقىلىق:[مىسال:] مولېكۇلىلىق شالغۇتلاشتۇرۇش. مولېكۇلىلىق چېچىلىش.

مولىبدېن

  • مولىبدېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Molybdaenum) Mo. قاتتىق، كۈمۈش رەڭلىك كرىستال. ئالاھىدە پولات ئىشلەپچىقىرىشتا ھەم ئېلېكترلىك ئەسۋابلار سانائىتىدە قوللىنىلىدۇ.

مولىبدېنىت

  • مولىبدېنىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى M O S2. تەركىبىدىكى مولىبدېن 06% بولىدۇ. كۆپىنچە رېنىي تەركىبلىك كېلىدۇ. ئۇ ئوخشاش بولمىغان كۆپ شەكىللىك تۈردە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ئۈچ ياقلىق ۋە ئالتە ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كرىستالى كۆپىنچە ئالتە ياقلىق تاختىسىمان بولۇپ، قۇراشمىسى قاسىراقسىمان كېلىدۇ. رەڭگى كۈل رەڭ، ئىز سىزىقى يېشىلغا مايىل قارامتۇل كۈل رەڭ بولىدۇ. مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە. قاتتىقلىقى 1، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 7.4 — 0.5. ياپراقچىلىرى ئېگىلىشچان، سىلىق بىلىنىدۇ.

مولىتىلماق

  • مولىتىلماق[يەشمىسى:] «مولاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مولىماق

  • مولىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يەر كۆلىمىنى مونى ئاساسىي ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ ئۆلچىمەك، مو سالماق:[مىسال:] تېگى بىلەن مولاپ بەرمىگەن يەرنى مېنىڭ دېگىلى بولامدۇ دېدى ئۇ.

موم

  • موم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھايۋان، مىنېرال ياكى ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىنىدىغان مايسىمان يۇمشاق ماددا. ئېلاستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئاسان سۇيۇقلىنىدۇ. سۇدا ئېرىمەيدۇ، كاربون سۇلفىد ۋە بېنزۇلدا ئېرىيدۇ. مەسىلەن، سېرىق موم، ئاق موم ۋە پاراتىن قاتارلىقلار. ئادەتتە ئۇ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە شام ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

موم بولماق

  • موم بولماق[يەشمىسى:] يۇمشىماق، ئېرىمەك؛ يۇمشاپ ئەيۋەشكە كەلمەك، كۆنمەك:[مىسال:] ۋۇ ئىززىتىنى بىلمىگەن جاھىل، نى-نى جاھىللار مېنىڭ قولۇمدا موم بولغان. مەن سېنى نىكاھلاپ ئالغانمەن دېدى ئۇ ئانارخانغا يېقىنلاپ.

موماⅠ

  • موماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «ھورنان»غا قاراڭ:[مىسال:] دىۋانە ئايال ئالىقىنىدىكى ئاق مومىنى ئىككىگە بۆلدى-دە، يېرىمىنى قىزغا بەردى.

موماⅡ

  • موماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاماننىڭ ئوتتۇرىسىغا تىك قادالغان خادا، بادرا:[مىسال:] ئۇ ماغدۇرسىزلىنىپ مومىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ قالدى.

موماⅢ

  • موماⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاتا ياكى ئاپىنىڭ ئانىسى (پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن):[مىسال:] مومىسى ئۇنىڭغا چوڭ دادىسىنىڭ ئۇچتۈرپان قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بەرگەن.[يەشمىسى:] ② قېرى ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] موما، سىلى ئولتۇرسىلا، دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىدا تۇرغان قېرى ئايالغا.

موماي

  • موماي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېرى ئايال، ياشانغان خوتۇن، كەمپىر:[مىسال:] ئاپتوبۇسقا چىقالماي، سىلىق مۇزدا تېيىلىپ. سومكا تۇتقان بىر موماي، يەرگە چۈشتى يىقىلىپ.

مومسىق

  • مومسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پىخسىق، بېخىل، نامەرد:[مىسال:] تەبىئەت شۇنچىلىك سېخىي ۋە شۇنچىلىك بېخىلكى — ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ بەزىلەرگە پۈتۈن گۈزەللىكنى ئاتا قىلىۋېتىدۇ، يەنە بەزىلەرگە بولسا ئۆتۈپ كەتكەن مومسىق-دە

مومسىقلىق

  • مومسىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىخسىقلىق، بېخىللىق، نامەردلىك:[مىسال:] مومسىقلىق قىلماق.

مومقا

  • مومقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] نەقىشنىڭ تېگىنى تازىلايدىغان ئەسۋاب.

موملاتماق

  • موملاتماق[يەشمىسى:] «موملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ شاگىرتىغا موملاتقان يىپ بىلەن مەسىنىڭ بېشىنى تىكىشكە باشلىدى.

موملاشماق

  • موملاشماق[يەشمىسى:] «موملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

موملانماق

  • موملانماق[يەشمىسى:] «موملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مىيىر موملانغان يىپ بىلەن ئۆتۈك قونچىنى تىكىۋاتاتتى.

موملىماق

  • موملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇم سۈركىمەك:[مىسال:] موزدۇز ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن يىپنى موملاۋاتاتتى.

مومېنت

  • مومېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مەزگىل، پەيت، دەۋر:[مىسال:] ھازىر بىز مۇھىم بىر تارىخىي مومېنتقا دۇچ كېلىپ قالدۇق.

مومېنتلىق

  • مومېنتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىك پەيت، ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلىنىدىغان:[مىسال:] مومېنتلىق مۇزىكا.

مۇناتسىت

  • مۇناتسىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. تەركىبىدە كۆپىنچە تورىي، سىركونىي قاتارلىقلار بولىدۇ. يەككە ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. رەڭگى ئاچ سېرىق ياكى قوڭۇر، سىمولا پارقىراقلىقىغا ئىگە، قاتتىقلىقى 5—5.5، سۇنۇق يۈزى قۇلۇلە قېپى ھالىتىدىن رەتسىز ھالەتكىچە بولىدۇ. سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 1.5، ئادەتتە رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

موناخ

  • موناخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تەركىدۇنيا بولۇپ كاتولىك دىنى ياكى پراۋۇسلاۋىيە دىنىنىڭ موناستىرلىرىدا ياشىغۇچى كىشى؛ راھىب.

مونارخىزم

  • مونارخىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] پادىشاھلىق تۈزۈمنى دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق فورمىسى دەپ ھېسابلايدىغان رېئاكسىئون سىياسىي ئېقىم، يۆنىلىش.

مونارخىست

  • مونارخىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مونارخىزم تەرەپدارى.

مونارخىيە

  • مونارخىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] پادىشاھلىق تۈزۈم.

مونارخىيىلىك

  • مونارخىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇنارخىيىگە، پادىشاھلىق تۈزۈمىگە ئائىت.

موناستىر

  • موناستىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] كاتولىك دىنى ۋە پراۋۇسلاۋىيە دىنى راھىبلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان، تۇرىدىغان جايى؛ چېركاۋ.

مونەكⅠ

  • مونەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كاللەك، توپ:[مىسال:] قارمونەكلىرى. ياغاچ مونەكلىرى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇرەككەپ، چىگىش، مالىماتاڭ:[مىسال:] ئۇلار ھەممىنى ئىلەشتۈرۈپ مونەك قىلىپ قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

مونەكⅡ

  • مونەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇقچىسى ئېلىنمىغان شاپتۇل قېقى.

مونەكچە

  • مونەكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك مونەك:[مىسال:] ئۇ چاشقان مايىقىدەك مونەكچىلەرنى چىلىمنىڭ ئوتخانىسىغا ئېھتىيات بىلەن سېلىپ، ئوت تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قومۇش نەيچىنى شوراشقا باشلىدى.

مونەكلەشتۈرمەك

  • مونەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مونەكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مونەكلەشتۈرۈلمەك

  • مونەكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مونەكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مونەكلەشمەك

  • مونەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مونەك ھالەتكە كەلمەك، مونەك بولماق:[مىسال:] مونەكلىشىپ كەتكەن لاي ئۆتۈكنىڭ ئىچىگە تولۇپ كەتكەنىدى.

مونەكلەنمەك

  • مونەكلەنمەك[يەشمىسى:] «مونەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مونەكلىمەك

  • مونەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مونەك قىلماق، مونەك ھالغا كەلتۈرۈلمەك.

مونەك-مونەك

  • مونەك-مونەك[يەشمىسى:] نۇرغۇن مونەك، بىرقانچە مونەك؛ ناھايىتى كۆپ:[مىسال:] تېخى ھايت-ھۇيت دېگۈچە مونەك-مونەك پۇل ئالىسىلەر دېگىنىچۇ

مونتاژ

  • مونتاژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىر ياكى بىرنەچچە بەدىئىي ئەسەردىن ئېلىنغان ئايرىم ئېپىزوت ۋە كۆرۈنۈشلەردىن تەشكىل تاپقان بەدىئىي ئەسەر.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] كىنو، رادىئو-تېلېۋىزىيە سەنئىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ساھەلەردە ئايرىم بەدىئىي ئەسەرلەر ياكى ئۇلارنىڭ بۆلەكلىرىنى ئومۇمىي ماۋزۇ ھەم سۇژىتىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بىر-بىرىگە ئۇلاش كىرىشتۈرۈش.[يەشمىسى:] ③ مۇشۇنداق ئۇلاپ، كىرىشتۈرگۈچى كىشى.

مونتاژلىق

  • مونتاژلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىنو، رادىئو-تېلېۋىزىيىنىڭ ئايرىم-ئايرىم بۆلەك ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى كىرىشتۈرۈش ئىشى: مونتاژلىق قىلماق.

مونچاق

  • مونچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەينەك، پارقىراق تاش، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن زىننەت بۇيۇمى ئۈچۈن ياسالغان، يىپقا ئۆتكۈزۈپ بويۇنغا ئاسىدىغان دانە-دانە يۇمىلاق بۇيۇم:[مىسال:] قىز قولىدىكى قىممەت باھالىق گۆھەر مونچىقىنى كەمبەغەل يىگىتكە بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۇ، سىماب قاتارلىق نەرسىلەردىن ھاسىل بولغان يۇمىلاق بۆلەك؛ تامچە:[مىسال:] ئۇنىڭ كەڭ پېشانىسىدە تەر مونچاقلىرى پارقىرايتتى.

مونچاققوراي

  • مونچاققوراي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مونچاق+قوراي[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.

مونچاقلىماق

  • مونچاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مونچاق ھالىتىگە كەلمەك، مونچاققا ئوخشىماق:[مىسال:] بەگمەت قالپىقىنى ئېلىپ پېشانىسىدىكى مونچاقلاپ ئېقىۋاتقان تەرلىرىنى ئېرتتى.

مونچاق-مونچاق

  • مونچاق-مونچاق[يەشمىسى:] ناھايىتى نۇرغۇن مونچاق، كۆپ مونچاق:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مونچاق-مونچاق بولۇپ، مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشمەكتە ئىدى.

مونزونىت

  • مونزونىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] چوڭقۇرلۇقتىكى ئوتتۇرا جىنسنىڭ بىر خىلى. جىنس خۇسۇسىيىتى ئورتوكلاز بىلەن دىئورىتنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ.

مونزونىتلىق

  • مونزونىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مونزونىت ياكى ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] مونزونىتلىق قۇرۇلما.

مونوپول

  • مونوپول[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① مونوپولىيە پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان:[مىسال:] مونوپول كاپىتال. مونوپول باھا. مونوپول پايدا. مونوپول يەر ئىجارىسى.[يەشمىسى:] ② مونوپولىيىگە ئائىت:[مىسال:] مونوپول بۇرژۇئازىيە. مونوپول كاپىتالىزم.

مونوپولچىلىق

  • مونوپولچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مونوپول قىلىش ئىش-ھەرىكىتى.

مونوپوللۇق

  • مونوپوللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر سودا ياكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىۋالغان، مونوپول قىلىۋالغان:[مىسال:] ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ سانائەتتىكى مونوپوللۇق ئورنى ئاجىزلاشتى.

مونوپولىيە

  • مونوپولىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئاز ساندىكى چوڭ كاپىتالىستىك كارخانىلار ياكى ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرى پايدا ئېلىش مەقسىتىدە مەلۇم تاۋارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىشىنى ئۆزگىچە ئىگىلىۋېلىشى، كونترول قىلىۋېلىشى.

مونوپولىيىچى

  • مونوپولىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر سودا ياكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىۋالغۇچى، مونوپولىيە قىلىۋالغۇچى.

مونولوگ

  • مونولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ئەسەر تەركىبىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىگە ياكى باشقا پېرسوناژلارغا ۋە ياكى تاماشىبىنلارغا قارىتىپ ئېيتقان سۆزى.

مونىزم

  • مونىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئاساسى بىر دەپ قارايدىغان پەلسەپىۋى تەلىمات.

موھتاج

  • موھتاج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە بولغان ئېھتىياجلىق؛ ھاجەتمەن:[مىسال:] مەن ئۆزۈمنىڭ سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە نەقەدەر موھتاج ئىكەنلىكىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.

موھتاجلىق

  • موھتاجلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوقسۇزلۇق، كەمبەغەللىك، بىچارىلىك، قول-ئىلكىدە يوقلۇق:[مىسال:] مەن بۇ ئىشنى ئىنتايىن ئاچلىق ۋە موھتاجلىقتىن قىلدىم.

موۋۇت

  • موۋۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭ تەرىپى سىلىق قىلىپ پۈتۈنلەي يۇڭدىن ياكى يۇڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ماتېرىياللاردىن توقۇلغان بىر خىل رەخت:[مىسال:] رەھبەرلىك ئىشخانىسىدا موۋۇت قاپلانغان ساپالار قاتار تىزىۋېتىلگەنىدى.

موي

  • موي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى تۈك، قىل:[مىسال:] موي تارىماق. مويىنىمۇ تەۋرىتەلمەسلىك.

مويەكچە

  • مويەكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوتكا.

مويچى

  • مويچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇڭ، قىل تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ ساتقۇچى، شۇنداق سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

مويچىلىق

  • مويچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇڭ، قىل تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش سودىسى، كەسپى.

مويسىپىت

  • مويسىپىت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چاچ-ساقاللىرى ئاقارغان، ياشانغان، پېشقەدەم، چوڭ:[مىسال:] مويسىپىت ئادەم.

مويسىپىتلىك

  • مويسىپىتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پېشقەدەملەرگە خاس خۇسۇسىيەت، قىلىق:[مىسال:] مەنمۇ ئاددىي ئادەم، سەپەردە جىددىي ئىشلاردا مويسىپىتلىك قىلىشنىڭ نېمە كېرىكى بار دېدى ھاكىم ئۇلارنى توسۇپ.

مويكا

  • مويكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تۈرلۈك يۇڭ، قىل تۈرىدىكى خام ماتېرىياللارنى تۈرگە ئايرىپ، تازىلاپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئورۇن:[مىسال:] سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن تاي-تاي يۇڭلار بۇ مويكىنىڭ شارقىراپ سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان تۆت چوڭ نورىغا تاشلىنىپ يۇيۇلۇپ چىقاتتى.

مويلۇق

  • مويلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مويى بار، مويى ئۆسكەن؛ موي ئورنىتىلغان، موي بېكىتىلگەن:[مىسال:] مويلۇق ئەدىيال.

موينا

  • موينا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بەزىبىر ھايۋانلارنىڭ كىيىم-كېچەك ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىغان يۇڭلۇق تېرىسى.

موينىكەش

  • موينىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرە-موينى تارايدىغان كىچىك تۆمۈر ئارا.

مۇئاپ

  • مۇئاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بىرەر گۇناھ، سەۋەنلىك ياكى خاتا ئىش ئۈچۈن قىلىنغان كەچۈرۈم؛ ئەپۇ:[مىسال:] مۇئاپ قىلماق.

مۇئامىلە

  • مۇئامىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش، بىرەر ئىش، خىزمەتكە دائىر ئالاقە، مۇناسىۋەت:[مىسال:] سىلىق مۇئامىلە. قوپال مۇئامىلە. مۇئامىلە قىلماق.[يەشمىسى:] ② پۇل، سودا-سېتىق ۋە تىجارەت كەسپىدىكى مۇناسىۋەت؛ ئالاقە:[مىسال:] پۇل مۇئامىلىسى. ئىقتىسادىي مۇئامىلە.

مۇئامىلىلىك

  • مۇئامىلىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] (بىرەر ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئىپادىلەنگەن) مۇئامىلىگە ئىگە:[مىسال:] ياخشى مۇئامىلىلىك ئادەم.

مۇئاھىدە

  • مۇئاھىدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] توختام:[مىسال:] سودا مۇئاھىدىسى.

مۇئاۋىن

  • مۇئاۋىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر باشلىق ياكى رەھبەرنىڭ ياردەمچىسى؛ ئورۇنباسار:[مىسال:] مۇئاۋىن ھاكىم. مۇئاۋىن رەئىس.

مۇئاۋىنلىق

  • مۇئاۋىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇئاۋىن دەپ تونۇلىدىغان، مۇئاۋىن قىلىپ تەيىنلەنگەن:[مىسال:] مۇئاۋىنلىق ۋەزىپە. مۇئاۋىنلىق دەرىجە.

مۇئەتتەر

  • مۇئەتتەر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يېقىملىق ھىد چاچقۇچى؛ خۇش پۇراق، خۇشبۇي:[مىسال:] چىمەن گۈلشەنلىرى خويمۇ مۇئەتتەر، مۇئەتتەر گۈللىرى گوياكى ئەختەر. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىرقانچە خىل پۇراقلىق ماتېرىيالنى تەڭشەش ئارقىلىق تەييارلانغان ئارىلاشما پۇراقلىق ماتېرىيال.

مۇئەسسەسە

  • مۇئەسسەسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ساھەنى باشقۇرىدىغان، بەلگىلىك شتات ۋە مەمۇرىيەتكە ئىگە بولغان تەشكىلات:[مىسال:] دۆلەت مۇئەسسەسەلىرى. ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلەر. ئىلمىي مۇئەسسەسەلەر.

مۇئەككەل

  • مۇئەككەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بىرەر ئورۇن ياكى شەخس تەرىپىدىن ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىشكە مەسئۇل قىلىنغان كىشى؛ ۋەكىل:[مىسال:] مۇئەككەل بولماق.

مۇئەللەق

  • مۇئەللەق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە تەگمەي، بوشلۇقتا تىرەكسىز ئېسىلىپ تۇۇرغان بىر ئالمىنى كۆردى.

مۇئەللىپ

  • مۇئەللىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يازغۇچى، ئاپتور:[مىسال:] ئۇ ئاددىيلا ئادەم مۇشۇ ۋەقەنىڭ كاتىپى، مۇشۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئىدى.

مۇئەللىم

  • مۇئەللىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ ئۇستاز، ئوقۇتقۇچى:[مىسال:] مۇئەللىم بولماق. مەسئۇل مۇئەللىم. مۇزىكا مۇئەللىمى.

مۇئەللىملىك

  • مۇئەللىملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوقۇتقۇچىلىق ئىشى، كەسپى:[مىسال:] مۇئەللىملىك قىلماق.

مۇئەمما

  • مۇئەمما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىياتتا شېئىرىي يول بىلەن يېزىلغان تېپىشماقلار.

مۇئەييەن

  • مۇئەييەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەممىگە مەلۇم بولغان، ئېنىق، ئاشكارا، بەلگىلىك:[مىسال:] ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن مۇئەييەن شارائىت كېرەك.

مۇئەييەنلەشتۈرمەك

  • مۇئەييەنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇئەييەنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنىڭ خاتا بولمىغانلىقىنى مانا ئەمدى مۇئەييەنلەشتۈردى.

مۇئەييەنلەشتۈرۈشمەك

  • مۇئەييەنلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «مۇئەييەنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەك

  • مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇئەييەنلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ بەس-مۇنازىرە كۆپچىلىكنىمۇ ئۆز قوينىغا باشلاپ كىردى. ئۇ بىرنېمە دەپ، بۇ بىرنېمە دەپ ئاخىر قادىرنىڭ كۆز قارىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

مۇئەييەنلەشمەك

  • مۇئەييەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تايىن تاپماق، ئېنىق بولماق، ئاشكارىلانماق، جەزىملەشمەك:[مىسال:] بۇ خىل ئېتىقاد قارشى رېئال، تارىخىي يوسۇندا پەيدا بولغان ۋە تارىخىي يوسۇندا مۇئەييەنلەشكەن.

مۇئەييەنلىك

  • مۇئەييەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەلۇملۇق، ئېنىقلىق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتى. ئۇ سۈپەت مۇئەييەنلىكى ۋە سان مۇئەييەنلىكى دەپ ئايرىلىدۇ. ھەرقانداق شەيئى سۈپەت مۇئەييەنلىكى بىلەن سان مۇئەييەنلىكىنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت.

مۇبادا

  • مۇبادا[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەگەر، ئەگەردە:[مىسال:] مۇبادا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولۇپ، جەڭ قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، بۇنى قويۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىمىز.

مۇبارەك

  • مۇبارەك[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇقەددەس، ئۇلۇغ، خاسىيەتلىك:[مىسال:] مۇبارەك جاي. مۇبارەك زېمىن. مۇبارەك نام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەبرىكلەش، قۇتلۇقلاش سۆزى:[مىسال:] دوستۇم مۇبارەك بولسۇن، توي قىلىۋاپسەن، ئەمما ۋاقتىدا كېلەلمىدىم، ئەپۇ قىل.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مۇبارەكلەشمەك

  • مۇبارەكلەشمەك[يەشمىسى:] «مۇبارەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەممىسى كېۋىراخۇن بىلەن خۇرشىدىخاننى مۇبارەكلەشتى.

مۇبارەكلەنمەك

  • مۇبارەكلەنمەك[يەشمىسى:] «مۇبارەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇبارەكلىمەك

  • مۇبارەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇتلۇق بولۇشنى تىلىمەك، تەبرىكلىمەك؛ قۇتلۇقلىماق:[مىسال:] ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ ئىلىكنى مۇبارەكلىدى.

مۇبالىغە

  • مۇبالىغە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاشۇرۇش، كۆپتۈرۈش؛ لاپ:[مىسال:] مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى ۋە مېھرىنى دېڭىزدەك چوڭقۇر دېسە ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئى ياكى ھادىسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي ھالىتىدىن ئاشۇرۇپ ياكى كىچىكلىتىپ ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە.

مۇبالىغىلەشتۈرمەك

  • مۇبالىغىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇبالىغىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پارتىيە خىزمىتىدىكى ئاشۇ سەلبىي تەرەپنى خالىغانچە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى دەپ تۇرۇۋېلىش توغرا ئەمەس.

مۇبالىغىلەشتۈرۈلمەك

  • مۇبالىغىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇبالىغىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بەزىلەر تەرىپىدىن مونتاژنىڭ رولى بىر تەرەپلىمە مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈپ، «مونتاژ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ» دەپ قارالدى.

مۇبالىغىلەشمەك

  • مۇبالىغىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى گەپ-سۆز ئەسلىي ھالىتىدىن كۆپتۈرۈلۈپ، چوڭىيىپ كەتمەك، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىلمەك.

مۇباھ

  • مۇباھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] شەرىئەتتىكى سەككىز ئەمەلنىڭ بىرى، يەنى قىلسا-قىلمىسا گۇناھمۇ بولمايدىغان، ساۋابمۇ بولمايدىغان ئىشلار.

مۇپەتتىش

  • مۇپەتتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى خىزمەتنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرغۇچى خادىم:[مىسال:] مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى. مۇپەتتىش ئىشخانىسى.

مۇپەتتىشلىك

  • مۇپەتتىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇپەتتىش ئىشى، مۇپەتتىش كەسپى:[مىسال:] سىز مۇپەتتىشلىكىڭىزنى قىلماي، بۇ يەردە نېمە لاغايلاپ يۈرۈيسىز دېدى باشلىق.

مۇپەسسەل

  • مۇپەسسەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يىپىدىن يىڭنىسىغىچە، پۈتۈن تەپسىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، باشتىن-ئاخىر، ئومۇميۈزلۈك؛ ئەتراپلىق، تەپسىلىي:[مىسال:] مۇپەسسەل پىلان. مۇپەسسەل تەكشۈرۈش.

مۇپەسسىر

  • مۇپەسسىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تەپسىر ئالىمى ۋە ئىسلام ئىلمىگە دائىر ئەسەر يازغۇچى كىشى.

مۇپتى

  • مۇپتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] شەرىئەت قانۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، شەرىئەتكە ئاساسەن پەتىۋا (ھۆكۈم) چىقىرىدىغان، مەسىلىلەرگە يول تېپىپ بېرىدىغان دىنىي ئەرباب، ئۆلىما:[مىسال:] قازى بىلەن قالامسەن، مۇپتى بىلەن كېتەمسەن (ماقال).

مۇپتىخانا

  • مۇپتىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] مۇپتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى، مەھكىمىسى:[مىسال:] مەن ئەرز قىلىپ، ھال ئېيتىپ بارمىغان ھاكىم-دوتەيمۇ، مۇپتىخانا، قازىخانىلارمۇ قالمىدى.

مۇپتىلا

  • مۇپتىلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۇچار، گىرىپتار، يولۇقۇش:[مىسال:] مۇپتىلا بولماق. مۇپتىلا قىلماق.

مۇپتىلالىق

  • مۇپتىلالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇپتىلا بولۇش، گىرىپتار بولۇش، دۇچارلىق.

مۇپتىلىق

  • مۇپتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇپتىغا يۈكلەنگەن ئىش، ۋەزىپە:[مىسال:] مۇپتىلىق قىلماق.

مۇت

  • مۇت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇلسىز، ھەقسىز، بىكار.

مۇت كېپەن

  • مۇت كېپەن[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلماي تەييارنى يېيىشكە ئامراق، تەييارغا ئادەتلەنگەن، تەييارتاپ:[مىسال:] مەن ئەنە شۇ مۇت كېپەنلەرگە لەنەت ئوقۇيمەن.

مۇتالىئە

  • مۇتالىئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەزمۇنىنى چۈشەنگەن، ئۆزلەشتۈرگەن ئاساستا ئىنچىكە ئوقۇش، تەتقىق:[مىسال:] مۇتالىئە قىلماق. مۇتالىئە يۈرگۈزمەك.

مۇتاناسىپ

  • مۇتاناسىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چوڭ-كىچىكلىكى، ئېنى، بويى ئۆزئارا ماس ياكى ئوخشاش نىسبەتتە بولغان.

مۇتەئەسسىپ

  • مۇتەئەسسىپ[يەشمىسى:] تۈرى: ئۇشبۇي:[مىسال:] چىمەن گۈلشەنلىرى خويمۇ مۇئەتتەر، ەقىدە ۋە كونا نەرسىلەرگە يېپىشىۋالىدىغان، كونىلىقنى ياقلىغۇچى:[مىسال:] مۇتەئەسسىپ كۈچلەر.

مۇتەئەسسىپلەشتۈرمەك

  • مۇتەئەسسىپلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇتەئەسسىپلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇتەئەسسىپلەشمەك

  • مۇتەئەسسىپلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇتەئەسسىپ بولۇپ قالماق، كونا ئەقىدە ۋە كونا نەرسىلەرگە يېپىشىۋالماق، كونىلىقنى ياقلىماق.

مۇتەئەسسىپلىك

  • مۇتەئەسسىپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا ئەقىدە ۋە كونا نەرسىلەرگە يېپىشىۋېلىش، ئۇنى ياقلاش ئىشى، ئادىتى:[مىسال:] مۇتەئەسسىپلىك قىلماق.

مۇتەپەككۇر

  • مۇتەپەككۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قىلىش ئىستېداتىغا ئىگە بولغان كىشى، تەپەككۇر ئىگىسى:[مىسال:] بىرمۇنچە ئاتاقلىق ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە يازغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىشكەن.

مۇتەخەسسىس

  • مۇتەخەسسىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ساھەدە مەخسۇس بىلىم ئىگىلەپ ھەم شۇ ساھەدە مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان كىشى، ئىختىساس ئىگىسى:[مىسال:] گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى. ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى.

مۇتەخەسسىسلەشتۈرمەك

  • مۇتەخەسسىسلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇتەخەسسىسلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇتەخەسسىسلەشتۈرۈلمەك

  • مۇتەخەسسىسلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇتەخەسسىسلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇتەخەسسىسلەشمەك

  • مۇتەخەسسىسلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ساھەدە مۇكەممەل بىلىم ئېلىپ، تاكامۇللىشىپ، مۇتەخەسسىس سەۋىيىسىگە يەتمەك؛ ئىختىساسلاشماق.

مۇتەخەسسىسلىك

  • مۇتەخەسسىسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇتەخەسسىس قىلىدىغان ئىش ياكى ئۇنىڭغا بېرىلگەن نام.

مۇتەسسە

  • مۇتەسسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىر كۇپلېتى توققۇز مىسرادىن تەشكىل تاپقان شېئىر.

مۇتەكەببۇر

  • مۇتەكەببۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، كىشىنى كۆزىگە ئىلمايدىغان، ھالى چوڭ؛ ھاكاۋۇر، تەكەببۇر:[مىسال:] مۇتەكەببۇر ئادەم. مۇتەكەببۇر ئەرباب.

مۇتەكەببۇرلۇق

  • مۇتەكەببۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ئىشى، ئادىتى، ھاكاۋۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق.

مۇتتەھەم

  • مۇتتەھەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا يولسىزلىق قىلىدىغان؛ ئورۇنسىز بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان، ئۇششۇق:[مىسال:] توۋا، نېمانداق مۇتتەھەم ئادەم بۇ.

مۇتتەھەملىك

  • مۇتتەھەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇتتەھەملەردە بولىدىغان قىلىق، مۇتتەھەملەر قىلىدىغان ھەرىكەت:[مىسال:] مۇتتەھەملىك قىلماق.

مۇتلەق

  • مۇتلەق[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەڭگۈ بىر خىل تۇرىدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان، ئۆزگەرمەس، مۇقىم؛ مەڭگۈلۈك:[مىسال:] مۇتلەق ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەقەت مەلۇم بىر خىل شارائىتقىلا ئاساسلانغان، باشقىلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان:[مىسال:] مۇتلەق قىممەت. مۇتلەق تېمپېراتۇرا. مۇتلەق ھەقىقەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پۈتۈنلەي، تولۇق، تامامەن:[مىسال:] خەلقنىڭ قانۇنلارغا مۇتلەق بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەرگىز؛ پەقەت:[مىسال:] شۇ تاپتا، ئۇ ئاپتوموبىلدىن بىر خالتا ئوغۇتنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلىسا، مۇتلەق ئىشەنمىگەن بولاتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىنتايىن، ناھايىتى:[مىسال:] شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىنىي زاتلار پارتىيىنى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە قىزغىن سۆيىدۇ.

مۇتلەقچىلىك

  • مۇتلەقچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنى ۋە بىلىشنى مۇتلەقلەشتۈرىدىغان ئىدېئالىزملىق ۋە مېتافىزىكىلىق نۇقتىئىينەزەر.[يەشمىسى:] ② گېگىلنىڭ مۇتلەق ئىدېئالىزمنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى.

مۇتلەقلەشتۈرمەك

  • مۇتلەقلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇتلەقلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] فولكلور نۇقتىسىدا بۇ يەكۈننى پۈتۈنلەي مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۆرپ-ئادەت تارىخىيلىققا، ئەنئەنىۋىلىككە ۋە مىللىيلىككە ئىگە بولىدۇ.

مۇتلەقلەشتۈرۈلمەك

  • مۇتلەقلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇتلەقلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان «سول» چىل ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە بەزى تەجرىبىلەر مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىلدى.

مۇتلەقلەشمەك

  • مۇتلەقلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۇراقلىق ھالەتكە كەلمەك، مۇقىملاشماق، جەزملەشمەك.

مۇتلەقلىك

  • مۇتلەقلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇتلەق ھالەت، مۇتلەق ئىش.

مۇتىۋەللى

  • مۇتىۋەللى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مەسچىت، مەدرىسىلەرنىڭ مالىيە، خوجىلىق ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى.

مۇتىۋەللىلىك

  • مۇتىۋەللىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇتىۋەللىگە يۈكلەنگەن خىزمەت، ۋەزىپە:[مىسال:] مۇتىۋەللىلىك قىلماق.

مۇجەسسەم

  • مۇجەسسەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جەملەنگەن، يىغىلغان، توپلانغان:[مىسال:] مۇجەسسەم بولماق. مۇجەسسەم قىلماق.

مۇجەسسەملەشتۈرمەك

  • مۇجەسسەملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇجەسسەملەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شوپۇر ئىنساننىڭ تەبىئەتكە قارشى ئەڭ قەيسەر ئىرادىسىنى، مۇستەھكەم خاراكتېرىنى، چىدام-غەيرىتىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا مۇجەسەملەشتۈرۈشى لازىم بولىدۇ.

مۇجەسسەملەشتۈرۈلمەك

  • مۇجەسسەملەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇجەسسەملەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ماھىرە ئوبرازىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ زېرەك، ئەقىللىق، ئۈمىدۋارلىق خۇسۇسىيەتلىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەنىدى.

مۇجەسسەملەشمەك

  • مۇجەسسەملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇجەسسەم ھالەتكە كەلمەك، مۇكەممەل، گەۋدىلىك تۈس ئالماق؛ يىغىلماق، توپلانماق:[مىسال:] ئۇنىڭدا قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەكس ئەتكەن، گۈزەل، باي، مەدەنىيەتلىك كەلگۈسىگە بولغان غايىسى، ئىشەنچىسى مۇجەسسەملەشكەنىدى.

مۇجەسسەملەنمەك

  • مۇجەسسەملەنمەك[يەشمىسى:] «مۇجەسسەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاجايىپ شېرىن ۋە ئۇچقۇر خىيالى قىزنىڭ چەكسىز گۈزەللىكى مۇجەسسەملەنگەن تۇم قارا قاشلىرى ئاستىدىكى تىنىق كۆزلىرىدە ئۇيۇپ قالدى.

مۇجەسسەملىمەك

  • مۇجەسسەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر يەرگە يىغماق، توپلىماق، جەملىمەك، يىغىنچاقلىماق:[مىسال:] ئىشچىلارنىڭ چەكسىز ھۆرمىتى ۋە قەلب ئارزۇسىنى پارتكوم شۇجىسى ئۆز سۆزىگە مۇجەسسەملىدى.

مۇجۇتماق

  • مۇجۇتماق[يەشمىسى:] «مۇجىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇجۇشماق

  • مۇجۇشماق[يەشمىسى:] «مۇجۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۇجۇق

  • مۇجۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشىك، دەرۋازا قاناتلىرىنىڭ ئېچىلىپ، يېپىلىشى ئۈچۈن كېشەكنىڭ ئوڭ، سول تەرىپىنىڭ ئاستى-ئۈستىگە ئورنىتىلغان، گىرەلىك رول ئوينايدىغان، بىر خىل قۇرۇلما؛ ئۈلگۈجەك:[مىسال:] مۇجۇق ئورناتماق. مۇجۇق بېشى.

مۇجۇلماق

  • مۇجۇلماق[يەشمىسى:] «مۇجۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنىڭسىزمۇ قانداقتۇر بىر قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرىم مۇجۇلۇپ ئارانلا تۇراتتىم.

مۇجۇماق

  • مۇجۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قول بىلەن بىرنەرسىنى مەھكەم قاماللىماق، سىقماق:[مىسال:] بوۋاي ئوغۇلنىڭ بەدەنلىرىنى مۇجۇپ تۇتۇپ قويغاندىن كېيىن «ھەرگىز قورقما، ئىنشائاللا مۇرادىڭغا يېتىسەن» دەپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر كۆڭۈلسىزلىك، دەرد-ئەلەم، خاپىلىق كۆڭۈلگە تەسىر قىلماق، ئازابلىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكىنى قانداقتۇر يوشۇرۇن بىرنەرسە مۇجۇپ ئازابلايتتى.

مۇچ

  • مۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] لازا:[مىسال:] ياشلىقنىڭ بەڭۋاشراق ئۆتكەن بىر كۈنى، ئۇچراشتىم يار بىلەن يارنىڭ لېۋىدە، ئەسلىسەم ئېسىمنى يىغىپ بار ئىكەن، زەھەردەك مۇچلارمۇ يارنىڭ لېۋىدە.

مۇخ

  • مۇخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يوشۇرۇن گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چوڭ بىر تۈركۈمى. تۈرى ناھايىتى كۆپ، كۆپىنچە نەم ئورۇنلاردا ئۆسىدۇ. يالغان يىلتىزى بار.

مۇخالىپ

  • مۇخالىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قارشى، زىت، خىلاپ:[مىسال:] مۇخالىپ كەلمەك.

مۇخالىپلىق

  • مۇخالىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارشىلىق، زىتلىق، خىلاپلىق:[مىسال:] ئېھ پادىشاھىم، قەدىمىي تەرىقەتنى ئۆزگەرتىپ، ۋىجدانغا مۇخالىپلىق قىلىۋاتىدىلا، دېدى ۋەزىر.

مۇخەممەس

  • مۇخەممەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ھەر كۇپلېتى بەش مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى.

مۇخبىر

  • مۇخبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گېزىت، ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا خەۋەر، ماقالە، ئوبزور يېزىپ تۇرىدىغان كىشى:[مىسال:] بىرىنچى دەرىجىلىك مۇخبىر. پراكتىكانت مۇخبىر. ئايال مۇخبىر.

مۇخبىرلىق

  • مۇخبىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇخبىر قىلىدىغان كەسىپ:[مىسال:] مۇخبىرلىق قىلماق.

مۇختارىيەت

  • مۇختارىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] «ئاپتونومىيە»گە قاراڭ:[مىسال:] خۇش مۇبارەك كېلىپسىز، مۇختارىيەت تويىمىز. ئامراقلىشىپ ئەمدى بىز، بىر تۇغقاندەك بولىمىز.

مۇختارىيەتچى

  • مۇختارىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] مۇختارىيەتنى ياقلىغۇچى، مۇختارىيەتنى ھىمايە قىلغۇچى، مۇختارىيەت تەرەپدارى.

مۇختەمىلات

  • مۇختەمىلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تۇيۇق.

مۇختىسەر

  • مۇختىسەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قىسقا، ئىخچام:[مىسال:] بۇ قىسىمدا تېبابىتىمىزنىڭ ئەمەلىي داۋالاش ئاساسلىرى مۇختىسەر ھالدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.

مۇخلار

  • مۇخلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇخنىڭ بىر كلاسى. بۇ كلاستىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرى كىچىك، ئۆسۈملۈك تېنى يېشىل، يىلتىزى بولمايدۇ، نەم، سايە ئورۇندا ئۆسىدۇ.

مۇخلىس

  • مۇخلىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئادەم ياكى نەرسىگە ئىخلاس، ئېتىقاد قىلغۇچى، ئىخلاسمەن، ئەگەشكۈچى:[مىسال:] دىن مۇخلىسى. سادىق مۇخلىس.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مۇداپىئە

  • مۇداپىئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۈشمەن، تەبىئىي ئاپەت، بىرەر كىم ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇش، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش، قوغدىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت:[مىسال:] مۇداپىئە ئىستىھكامى. مۇداپىئە قېشى. مۇداپىئە ئوكۇلى. مۇداپىئە ئورمىنى. دۈشمەن مۇداپىئىسىنى يېرىپ ئۆتمەك. دۆلەت مۇداپىئىسى.

مۇداپىئىچى

  • مۇداپىئىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ۋاسكېتبول، پۇتبول قاتارلىق توپ تۈرلىرىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغان تەنھەرىكەتچى.

مۇداپىئىلەنمەك

  • مۇداپىئىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇداپىئەدە بولماق، مۇداپىئە قىلماق، قوغدانماق:[مىسال:] ئەكبەر ئۈچەيلەنگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ چېكىنىپ تۇرۇپ مۇداپىئىلەندى.

مۇداخىلە

  • مۇداخىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش ياكى ئۆزىگە قارام قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم، تاجاۋۇز:[مىسال:] مۇداخىلە قىلماق. مۇداخىلە يۈرگۈزمەك.

مۇداخىلىچى

  • مۇداخىلىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئىشىغا قورال كۈچى بىلەن ئارىلاشقۇچى.

مۇدەررىس

  • مۇدەررىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەدرىسىلەردە دەرس بېرىدىغان كىشى، مەدرىسە ئوقۇتقۇچىسى:[مىسال:] يۈزلەپ مۇدەررىس ۋە تالىپلارنى يېتىشتۈرگەن بۇ مەدرىسىمۇ خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانىدى.

مۇدەررىسلىك

  • مۇدەررىسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەدرىسىلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى:[مىسال:] نورۇز داموللىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇدەررىسلىك قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلىم-ئەخلاقى بىلەن خەلق ئىچىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇ ياخشى بىلەتتى.

مۇددەت

  • مۇددەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋاقىتنىڭ ئېنىق بىرەر ئىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بۆلىكى؛ قەرەل:[مىسال:] ئۇزۇن مۇددەت. قىسقا مۇددەت.

مۇددەتسىز

  • مۇددەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇددىتى يوق، مۇددەت بەلگىلەنمىگەن، قەرەلسىز:[مىسال:] مۇددەتسىز قاماق.

مۇددەتلىك

  • مۇددەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇددىتى بار، مۇددەت بەلگىلەنگەن:[مىسال:] مۇددەتلىك چەك. مۇددەتلىك قاماق جازاسى.

مۇددىئا

  • مۇددىئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ دىلىدىكى مەقسەت، نىيەت، مۇراد:[مىسال:] ئازاد دادىسىنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشەنگەنىدى.

مۇدھىش

  • مۇدھىش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنى دەھشەتكە، قۇرقۇنچقا، ۋەھىمىگە سالىدىغان، قورقۇچلۇق، دەھشەتلىك:[مىسال:] مۇدھىش بوران. مۇدھىش جەمئىيەت.

مۇدھىشلىك

  • مۇدھىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇدھىش ھالەت:[مىسال:] توختى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلماي تۇرۇپلا گۇناھسىز ھالدا مۇدھىشلىكنىڭ قۇربانى بولغانىدى.

مۇدىر

  • مۇدىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىدارە، تەشكىلات، مەكتەپ قاتارلىقلارغا مەسئۇل كىشى:[مىسال:] مەكتەپ مۇدىرى. كومىتېت مۇدىرى.

مۇدىرلىق

  • مۇدىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇدىرغا يۈكلەنگەن خىزمەت، ۋەزىپە:[مىسال:] ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەشكە باشلىغانىدى.

مۇدىرىيەت

  • مۇدىرىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇدىرلىق خىزمىتى.

مۇراببا

  • مۇراببا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مېۋە ھەم بەزى كۆكتاتلارنى شېكەر قىيامى ياكى ھەسەل قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل سۇيۇق يېمەكلىك:[مىسال:] ئالما مۇرابباسى. ئەنجۈر مۇرابباسى. سەۋزە مۇرابباسى. پەمىدۇر مۇرابباسى.

مۇراجىئەت

  • مۇراجىئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ھاجەت يۈزىسىدىن بىراۋغا ئېيتىلىدىغان سۆز، ئۆتۈنۈش، ئىلتىماس:[مىسال:] مۇراجىئەت قىلماق. ئاغزاكى مۇراجىئەت.

مۇراجىئەتنامە

  • مۇراجىئەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر مۇددىئا، ھاجەت يۈزىسىدىن يېزىلغان خەت؛ ئىلتىماس.

مۇراد

  • مۇراد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ:[مىسال:] مۇراد تاپماق. مۇرادىغا يەتمەك.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مۇراد-مەقسەت

  • مۇراد-مەقسەت[يەشمىسى:] مۇراد ۋە مەقسەت؛ ئارزۇ-تىلەك:[مىسال:] ئۇلار مۇراد-مەقسىتىگە يەتتى.

مۇراسىم

  • مۇراسىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە، يىغىن:[مىسال:] توي مۇراسىمى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنىڭ باشلانغانلىقىنى ياكى تاماملانغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن رەسمىي جاكارلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن:[مىسال:] ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى. ئۇزىتىش مۇراسىمى.

مۇراسىملىق

  • مۇراسىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇراسىمدا ئىشلىتىلىدىغان، مۇراسىمدا كېرەك قىلىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن قولىدا مۇراسىملىق مەشئەل يېنىپ تۇراتتى.

مۇرەببە

  • مۇرەببە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تۆت مىسرادىن ئىبارەت شېئىر. ئۇنىڭ 1-، 2-، ۋە 4-ياكى 2-ۋە 4-مىسرالىرى قاپىيىداش كېلىدۇ. خەلق قوشاقلىرى تولىراق مۇشۇ شەكلىدە يېزىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] كۋادرات.

مۇرەببىي

  • مۇرەببىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەربىيىچى، غەمخور:[مىسال:] مۇرەببىيمىزدىن ئايرىلغان بولساقمۇ، ئاچتىن ئۆلمىدۇق.

مۇرەسسە

  • مۇرەسسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش يولى ئارقىلىق ئۆزئارا يارىشىش؛ كېلىشىش، سۈلھى:[مىسال:] مۇرەسسە قىلماق.

مۇرەسسەچى

  • مۇرەسسەچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇرەسسە قىلىدىغان ئادەم، ياراشتۇرغۇچى، كېلىشتۈرگۈچى، سۈلھىچى.

مۇرەسسەچىلىك

  • مۇرەسسەچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇرەسسە قىلىش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] مەن روھانىيدىن ياردەم ئالمايمەن. بولدى شۇنچە مۇرەسسەچىلىك، پەدەر

مۇرەسسەسىز

  • مۇرەسسەسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇرەسسە قىلمايدىغان:[مىسال:] ئۇ خىزمەتتە ئەستايىدىل، يولداشلار ئارا مۇئامىلىدە سىلىق، پرىنسىپلىق مەسىلىلەردە كەسكىن ۋە مۇرەسسەسىز ئىدى.

مۇرەسسەسىزلىك

  • مۇرەسسەسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇرەسسە قىلماسلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋازىدىن قەتئىيلىك، مۇرەسسەسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.

مۇرەسسەلەشتۈرمەك

  • مۇرەسسەلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇرەسسەلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بۇ ئىشنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ئويلىغانىدى.

مۇرەسسەلەشتۈرۈلمەك

  • مۇرەسسەلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇرەسسەلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇرەسسەلەشمەك

  • مۇرەسسەلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇرەسسەگە كەلمەك، ياراشماق، سۈلھىلەشمەك:[مىسال:] ئۇلار ئىككى كۈن كېڭىشىش ئارقىلىق ئاخىر مۇرەسسەلەشتى.

مۇرەسسە-مادارا

  • مۇرەسسە-مادارا[يەشمىسى:] مۇرەسسە ۋە مادارا:[مىسال:] مۇرەسسە-مادارا قىلماق.

مۇرەككەپ

  • مۇرەككەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يېشىلىشى، چۈشىنىلىشى، ھەل قىلىنىشى ياكى بېجىرىلىشى ئاسان بولمىغان؛ تەس، قىيىن، مۈشكۈل:[مىسال:] مۇرەككەپ مەسىلە. مۇرەككەپ ئىش.[يەشمىسى:] ② بىرنەچچە بۆلەكتىن، ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپقان، كۆپ تەركىبلىك، ئاددىي ئەمەس:[مىسال:] مۇرەككەپ سان. مۇرەككەپ تۇز. مۇرەككەپ يوپۇرماق.

مۇرەككەپلەشتۈرمەك

  • مۇرەككەپلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇرەككەپلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر قەبىھ كۈچلەر بىلەن قالاق-مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ بىرلىشىۋېلىپ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئەھۋالنى بىرقەدەر مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.

مۇرەككەپلەشتۈرۈلمەك

  • مۇرەككەپلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇرەككەپلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇرەككەپلەشمەك

  • مۇرەككەپلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇرەككەپ ئەھۋالغا ئايلانماق؛ مۇرەككەپ ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] بۈگۈنكى كۈندە ئاقسۇ ۋەزىيىتى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② قىيىنلاشماق، ئېغىرلاشماق:[مىسال:] ئۇلار 2-يىللىق ئوقۇشنى باشلىغاندا دەرسلەر بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىشكە باشلىدى.

مۇرەككەپلىك

  • مۇرەككەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇرەككەپ ھالەت:[مىسال:] ئۇ بۇ ئۈمىدكە ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

مۇرتەت

  • مۇرتەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىندىن، ئىسلام دىنىي ئېتىقادىدىن يانغان، خۇداغا شەك كەلتۈرگەن ئادەم.

مۇرتەتلىك

  • مۇرتەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىندىن چىققانلىق، دىنسىزلىق؛ دەھرىيلىك:[مىسال:] سېنىڭ بۇ ئىشىڭ قىپقىزىل مۇرتەتلىك، دېدى موللام ئۇنىڭغا.

مۇرچۇبا

  • مۇرچۇبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزىنى ئىستېمال قىلغىلى ياكى دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. قىزىتمىنى ياندۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش روللىرىغا ئىگە.

مۇردا

  • مۇردا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتى؛ ئۆلۈك.

مۇرمەككى

  • مۇرمەككى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇرمەككى دەرىخى.[يەشمىسى:] ② شۇ دەرەخنىڭ دېۋىرقىيى (يېلىمى).

مۇرۇللۇغ

  • مۇرۇللۇغ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋەدىلەشكەن، باغلىنىپ قالغان.

مۇرۇۋۋەت

  • مۇرۇۋۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن بىراۋغا قىلىنغان ياخشىلىق؛ ساخاۋەت، ھىممەت:[مىسال:] مۇرۇۋۋەت قىلماق.

مۇرۇۋۋەتسىز

  • مۇرۇۋۋەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇرۇۋۋىتى يوق، مۇرۇۋۋەتنى بىلمەيدىغان، شەپقەتسىز، شاپائەتسىز:[مىسال:] مۇرۇۋۋەتسىز ئادەم.

مۇرۇۋۋەتلىك

  • مۇرۇۋۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىراۋغا مېھىر-شەپقەت قىلىدىغان، ساخاۋەتلىك، ھىممەتلىك:[مىسال:] مۇرۇۋۋەتلىك ئادەم.

مۇرىت

  • مۇرىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر روھانىي، ئۇستاز، پىر، ئىشان قاتارلىق تونۇلغان كىشىلەرگە قول بەرگەن، ئەگەشكەن كىشى ياكى ئۇنىڭ شاگىرتى، مۇخلىسى؛ تالىپى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر دىن، مەسلەك، گۇرۇھ، ئېقىم قاتارلىقلارغا ئېتىقاد قىلغان، ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان، ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشى:[مىسال:] خرىستىئان مۇرىتى. بۇددا مۇرىتلىرى.

مۇز

  • مۇز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۇنىڭ سېلسىيە نۆل ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن گرادۇستا سوۋۇپ قېتىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان قاتتىق جىسىم:[مىسال:] مۇز قاتماق. مۇز تۇتماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سوغۇق، توڭ، يېقىمسىز:[مىسال:] مۇز چىراي. مۇز قاپاق.

مۇز توپ

  • مۇز توپ[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① بىر خىل مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى. بۇنىڭدا، تەنھەرىكەتچى مۇز توپ پالىقى بىلەن توپنى قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ، ئېرىشكەن نومۇرى كۆپرەكلىرى غەلىبە قىلغان بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② مۇز توپ تەنھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان توپ. ياپىلاق ھەم يۇمىلاق كېلىدۇ. ئادەتتە قارا رەڭلىك قاتتىق كاۋچۇكتىن ياسىلىدۇ.

مۇز دەۋرى

  • مۇز دەۋرى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيە تارىخىدا كەڭ كۆلەمدە مۇزلۇق پەيدا بولغان مەزگىل. پۈتكۈل يەر شارىنىڭ گېئولوگىيە تارىخىدا ئۈچ قېتىم زور مۇز دەۋرى بولۇپ ئۆتكەن. ئۇلار زېڭدەن مۇز دەۋرى، كۆمۈر دەۋرى ئىككىلەمچى مۇز دەۋرى ۋە 4-مۇز دەۋرىدىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزدە 4-مۇز دەۋرى ئەڭ تەپسىلىي تەتقىق قىلىنغان.

مۇزاكىرە

  • مۇزاكىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئۆزئارا بايان قىلىنىدىغان ياكى قىلىنغان پىكىر، تالاش-تارتىش، مۇھاكىمە:[مىسال:] مۇزاكىرە قىلماق.[يەشمىسى:] ② تەكرار، تەكرارلاش (ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ھەققىدە):[مىسال:] ھەربىر ئوقۇغۇچى ھەر كۈندىكى ئالتە سائەت دەرس، ئىككى سائەت مۇزاكىرىگە شەرتسىز قاتنىشىشى كېرەك.

مۇزاكىرىسىز

  • مۇزاكىرىسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۇزاكىرە قىلىنماي، مۇزاكىرىگە قويۇلماي:[مىسال:] ئۇ بىرنەچچە ئەمەلىي تەكلىپلەرنى بەردى. تەكلىپلەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇزاكىرىسىزلا قوبۇل قىلىندى.

مۇزاكىرىلەشمەك

  • مۇزاكىرىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ھەققىدە تالاش-تارتىش، مۇلاھىزە قىلىشماق، پىكىر يۈرگۈزۈشمەك، مۇزاكىرە ئېلىپ بارماق:[مىسال:] بىر كۈنى، داۋۇت ئۆز ئەترىتىدىكىلەرنى يىغىپ، ماتورلۇق كېمىنى باپلاش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.

مۇزەپپەر

  • مۇزەپپەر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] زەپەر قۇچقان، غەلىبە قازانغان، غالىب:[مىسال:] قانچە ئاپەتلەرنى يەڭدىڭ قەھرىگە بەرداش بېرىپ، پەم-پاراسەتنىڭ مۇزەپپەر تەختىدە كۆردۈم سېنى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مۇزخانا

  • مۇزخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يازدا مۇز ساقلايدىغان جاي، ئورا.

مۇزدەك

  • مۇزدەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سوغۇق:[مىسال:] مۇزدەك سۇ. مۇزدەك گۆش.

مۇزلاتماق

  • مۇزلاتماق[يەشمىسى:] ① «مۇزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ شۇنداق كىرەرمۇ قاراڭغۇ قىشقا ھاياتنى سوغۇقى بىلەن مۇزلىتىپ ئىس-تۈتۈن ئۈستىگە ئاھ، يۈرەكلەرنى ئاسارمۇ سۈر قىلىپ، تىلىپ-تۇزلىتىپ[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىجرا قىلىش، بېجىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويماق، ۋاقىتلىق كۈچىدىن قالدۇرماق:[مىسال:] ھازىر دۆلەت كارخانىلىرى مەھسۇلاتلىرى بىلەن كوللېكتىپ كارخانىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئاز دېگەندە يېرىم يىل مۇزلىتىپ قويۇش كېرەك.

مۇزلاشماق

  • مۇزلاشماق[يەشمىسى:] «مۇزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۇزلۇق

  • مۇزلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇزى بار، مۇز قاتقان:[مىسال:] مۇزلۇق كۆل. مۇزلۇق دەريا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قارنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن ھەمدە كۆچىدىغان مۇز گەۋدىسى.

مۇزلىتىلماق

  • مۇزلىتىلماق[يەشمىسى:] «مۇزلاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەلىكە ھەدە مۇزلىتىلغان قايناق سۇنى ئەكەلدى، ئالماس ئاكا دەرمانسىز قوللىرى بىلەن ئىستاكاننى چاڭگاللاپ قايناق سۇدىن بىر-ئىككى يۇتۇم ئوتلىدى-دە، بېشىنى ياستۇققا تاشلىدى.

مۇزلىماق

  • مۇزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن مۇزلاپ قاتماق، مۇزغا ئايلانماق، توڭلىماق.[يەشمىسى:] ② توڭماق، سوۋۇماق:[مىسال:] يازدا توڭلىغان قىشتا مۇزلايدۇ (ماقال). * ئۇنىڭ پۇتلىرى مۇزلاپ كەتكەنىدى.

مۇزېي

  • مۇزېي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] تارىخىي ۋە ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان نەرسىلەرنى، سەنئەت، تېخنىكا، تەبىئەت نەمۇنىلىرىنى يىغىش، ساقلاش، تەتقىق قىلىش ۋە كۆرگەزمە قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇئەسسەسە:[مىسال:] سەنئەت مۇزېيى. تارىخ مۇزېيى.

مۇزىكا

  • مۇزىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① تۇرمۇش ۋەقەلىكى ھەم كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى تاۋۇشلۇق بەدىئىي ئوبراز، كۈي ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سەنئەت تۈرى:[مىسال:] سىمفونىيىلىك مۇزىكا. مۇزىكا ئەسىرى. مۇزىكا نەزەرىيىسى. مۇزىكىدىن تەلىم ئالماق.[يەشمىسى:] ② شۇ سەنئەتنىڭ چالغۇلار بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغان ئەسىرى، كۈي:[مىسال:] ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرى. بىتخوۋېن مۇزىكىلىرى.[يەشمىسى:] ③ چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئىجراسى، ئاۋازى:[مىسال:] سىرتتىن يامغۇرنىڭ ئاۋازى ئەمەس، شوخ مۇزىكا ئاڭلانغاندەك بىلىندى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چالغۇ ئەسۋابى:[مىسال:] مۇزىكا چالماق. مۇزىكا زاۋۇتى.

مۇزىكانت

  • مۇزىكانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] سازەندە، چالغۇچى:[مىسال:] كەچ كىرىپ كەتتى، دېدى مۇنىرىدىن، ئەمدى بىز قايتايلى، ئەتە كەچتە ھۇجرامدا بولىمىز. يەكەندىن كەلگەن شاھابىدىن ناملىق مۇزىكانت مېھمىنىم بار. ئۇنىڭدىن ساز ئاڭلايسىلەر.

مۇزىكىشۇناس

  • مۇزىكىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇزىكىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم، مۇزىكا مۇتەخەسسىسى.

مۇزىكىشۇناسلىق

  • مۇزىكىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇزىكا نەزەرىيىسى، تارىخى، قانۇنى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم:[مىسال:] ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناسلىقى.

مۇزىكىلىق

  • مۇزىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان؛ مۇزىكا بىلەن بىللە ئىجرا قىلىنىدىغان:[مىسال:] مۇزىكىلىق ئاۋاز. مۇزىكىلىق دراما. مۇزىكىلىق دېكلاماتسىيە.

مۇسابىقە

  • مۇسابىقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە باشقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىش ۋە ئۇتۇۋېلىش ئۈچۈن بولغان بەسلىشىش، ئېلىشىش:[مىسال:] مۇسابىقە قائىدىسى. مۇسابىقە قىلماق.

مۇسابىقىچى

  • مۇسابىقىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرگە مۇسابىقە قىلغۇچى، مۇسابىقىغە قاتناشقۇچى تەرەپلەر (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

مۇسابىقىلەشتۈرمەك

  • مۇسابىقىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇسابىقىلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇسابىقىلەشتۈرۈلمەك

  • مۇسابىقىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇسابىقىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇسابىقىلەشمەك

  • مۇسابىقىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە، ئۆزئارا مۇسابىقە قىلىشماق، بەسلەشمەك:[مىسال:] ئۇ «بۇ دورەم ئەنۋەر بىلەن مۇسابىقىلەشتىم، ئۇ يېڭى، مەن كونا، شۇنداق تۇرۇپ يېڭىلىپ قالسام يولداشلار ئالدىدا قانداقمۇ يۈرەلەيمەن» دەپ ئويلاتتى.

مۇساپە

  • مۇساپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپ، ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇق جاي، ئارىلىق:[يەشمىسى:] ئۇزۇن مۇساپە. قىسقا مۇساپە.

مۇساپىر

  • مۇساپىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان، باشقا جايدا تۇرۇۋاتقان كىشى؛ كەلگۈندى:[مىسال:] مۇساپىر بولماق. * مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى (ماقال).

مۇساپىرپەرۋەر

  • مۇساپىرپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مۇساپىرلارنى ئاسرايدىغان، ئۇلارغا شەپقەت قىلىدىغان، كۆيۈنىدىغان:[مىسال:] مۇساپىرپەرۋەر ئادەم.

مۇساپىرپەرۋەرلىك

  • مۇساپىرپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇساپىرلارغا كۆيۈنۈش، شەپقەت قىلىش ئىشى:[مىسال:] پادىشاھ ئەمىر باتۇرنىڭ توغرىلىقى، مەردلىكى ھەم مۇساپىرپەرۋەرلىكىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى ئۆلۈمدىن ئازاد قىلىپتۇ.

مۇساپىرچىلىق

  • مۇساپىرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مۇساپىرلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] پېقىر يۇرتلىرىغا مۇساپىرمەن، مۇساپىرچىلىق دەردىدە ئاۋارىمەن، بۈگۈن نامازدىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك قەدىمىگە تەلمۈردۈم، دېدى سىيىت ھاجى.

مۇساپىرخانا

  • مۇساپىرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] چەت، ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن كىشىلەر قونىدىغان جاي، مېھمانخانا:[مىسال:] ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ. كوچىلارنى ئايلىنىپ بىر مۇساپىرخانىنى تېپىپ چۈشۈپتۇ.

مۇساپىرلىق

  • مۇساپىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا جايلاردا تۇرۇش، ياشاش؛ مۇساپىرچىلىق:[مىسال:] مەن كىچىكىمدىن تارتىپ مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقانمەن، دېدى بوۋاي سۆز باشلاپ.

مۇساپىلىق

  • مۇساپىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىك مۇساپە كېلىدىغان، مۇساپىدىن ئىبارەت:[مىسال:] كىشىلەر ئادەمنى، ئۇزۇن مۇساپىلىق سەييارىلەر ئارا ئۇچۇش سەپىرىدە خېيىم-خەتەرسىز ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرگۈزگىلى بولامدۇ-يوق دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلانماقتا.

مۇسادىرە

  • مۇسادىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئىلكىدىكى پۇل، مال-مۈلۈك قاتارلىق تەئەللۇقاتلارنى ھۆكۈمەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىش:[مىسال:] مۇسادىرە قىلماق. م

ۇراتتىم.لى.

  • ۇراتتىم.لى.[يەشمىسى:] ئىككى تەرىپى ئوخشاش، پەرقلەنمەيدىغان؛ تەڭ، باراۋەر.

مۇسەببە

  • مۇسەببە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] يەتتە مىسرالىق كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن شېئىر.

مۇسەددەس

  • مۇسەددەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئالتە مىسرالىق كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن شېئىر. بۇ خىل شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى ئالتە مىسرا ئىزچىل قاپىيىداش بولىدۇ. كېيىنكى كۇپلېتلىرىدا ئالدىنقى تۆت مىسرا باشقا قاپىيىدە بولۇپ، ئاخىرقى ئىككى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيىدە ئىزچىللىشىدۇ، ياكى بولمىسا بىرىنچى كۇپلېتنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسى كېيىنكى كۇپلېتلاردا تەكرارلىنىدۇ.

مۇسەللەسⅠ

  • مۇسەللەسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۈزۈمنى سىقىپ، سۈيىنى قاينىتىش يولى بىلەن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان ئىچىملىك:[مىسال:] مۇسەللەس قايناتماق.

مۇسەللەسⅡ

  • مۇسەللەسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئۈچ مىسرالىق كۇپلېتتىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى. بۇ شەكىل ئىككى خىل كېلىپ، كېيىنكى، مىسرالاردا ئاۋۋالقى ئىككى مىسرا ئوخشاش قاپىيىدە، 3-مىسرا بىرىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيىدە كېلىدۇ.

مۇسەممەن

  • مۇسەممەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئە<[يەشمىسى:] ھەر بىر كۇپلېتى سەككىز مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى. بۇ شەكىل ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلىنىڭ ھەر كۇپلېتى بىر خىل قاپىيىدە تۈزۈلۈپ، قاپىيىلىرى كۆپىنچە مۇرەببەنىڭ قاپىيە تۈزۈلۈشىگە ئوخشايدۇ ياكى بىرىنچى كۇپلېتتىكى سەككىز مىسرانىڭ ھەممىسى قاپىيىداش بولۇپ، كېيىنكى كۇپلېتلارنىڭ ئاخىرقى 8-مىسراسىدا بىرىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيە ئىزچىللىشىدۇ. يەنە بىر خىلىدا بولسا، ھەر كۇپلېتنىڭ ئالتە مىسراسى چاپراس قاپىيىلىك (يەنى 1-، 3-، 5-مىسرالىرى بىر خىل قاپىيىدە، 2-، 4-، 6-مىسرالىرى بىر خىل قاپىيىدە)، ئاخىرقى ئىككى مىسراسى يەنە باشقىچە قاپىيىداش كېلىدۇ. بۇ شەكىلنى بارماق ۋەزىندە يازسىمۇ بولىدۇ، ئارۇز ۋەزنىدە يازسىمۇ بولىدۇ.

مۇسەننىپ

  • مۇسەننىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئەسەر يازغۇچى؛ ئاپتور.

مۇسبەت

  • مۇسبەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] نۆلدىن چوڭ، نۆلدىن يۇقىرى:[مىسال:] مۇسبەت سان. مۇسبەت ئەزا.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددىي قىسىملىرى پروتون ۋە پوزىتروندىن ئىبارەت ئېلېكترگە ئائىت؛ ئېلېكترون يوقاتقان:[مىسال:] مۇسبەت زەرەت. مۇسبەت قۇتۇب.[يەشمىسى:] ③ ئىنكار قىلىنمىغان، رەت قىلىنمىغان:[مىسال:] مۇسبەت ئىبادەت.

مۇستەبىت

  • مۇستەبىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] زالىم ھۆكۈمران، ئىستىبدات:[مىسال:] ئۇ كۈنلەردە بۇ يېڭى مۇستەبىتنىڭ بېشىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭنىڭ قىلىچى ئويناپ تۇراتتى.

مۇستەبىتچىلىك

  • مۇستەبىتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇستەبىتلىك قىلمىش، مۇستەبىتلىك ھەرىكەت:[مىسال:] «خاتىرە» گە سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيە ماركسىزمغا، پەنگە، دېموكراتىيىگە قارشى بولغان فېئودال مەدەنىيەت مۇستەبىتچىلىكى ئىدىيىسىدۇر.

مۇستەبىتلىك

  • مۇستەبىتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇستەبىتلەرگە خاس ئىش، ھەرىكەت، قىلمىش:[مىسال:] مۇستەبىتلىك قىلماق.

مۇستەسنا

  • مۇستەسنا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئومۇمىي قائىدىدىن، ئادەتتىكى تەرىپتىن تاشقىرى، باشقىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ھەممىدىن خالىي، سىرتىدا:[مىسال:] ئۇيغۇر تېبابىتى پەن بولغانىكەن، ئۇ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىش، يېڭىلىنىش، كەشىپ قىلىنىش، تاكامۇللىنىش قانۇنىيىتىدىن مۇستەسنا ئەمەس، شۇنىڭدەك كەمچىلىك، يېتەرسىزلىكلەردىنمۇ خالىي بولالمايدۇ.

مۇستەسناسىز

  • مۇستەسناسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇستەسنا ئەمەس، مۇستەسنا بولمىغان:[مىسال:] خەلقمۇ ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. بەلكى ھەممە كىشى قىلچە مۇستەسناسىز ھالدا رىئايە قىلىشى كېرەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۇستەسنا بولماستىن، مۇستەسنا قىلىنماي:[مىسال:] بەزى دېھقانلاردا كونا جەمئىيەتتىن قېپقالغان ئىدىيە ۋە ئادەتلەر مۇستەسناسىز ساقلانماقتا.

مۇستەسنالىق

  • مۇستەسنالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇناسىۋەتسىزلىك، خالىيلىق:[مىسال:] بۇ يەردە پەقەت كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە كەم ئۇچرايدىغان مۇستەسنالىق ۋە جاھانگىرلىكتىن ئىلگىرىكى دەۋردە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئەركىن كۆچمەنلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەن جايلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

مۇستەقىل

  • مۇستەقىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىختىيارى ئۆزىدە بولغان، بىراۋغا تەۋە ياكى ئۇنىڭ ئىلكىدە بولمىغان، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان:[مىسال:] مۇستەقىل دۆلەت. مۇستەقىل رايون.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ياكى باشقۇرۇشىسىز ئۆز ئەقلى، خاھىشى بىلەن ئىش قىلالايدىغان:[مىسال:] مۇستەقىل مياۋزۇچە سۆزلىمەك.

مۇستەقىلچى

  • مۇستەقىلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان، مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشى، مۇستەقىللىق تەرەپدارى.

مۇستەقىللىق

  • مۇستەقىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىگە ئۆزى خوجىلىق:[مىسال:] بىر تۇتاش پىلان ئاستىدا، جايلار ۋە كارخانىلاردا مەلۇم مۇستەقىللىق بولۇشقا يول قويۇش كېرەك.

مۇستەكرە

  • مۇستەكرە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مەكروھ دەپ قارالغان، مەكرو سانالغان؛ شۈبھىلىك.

مۇستەملىكە

  • مۇستەملىكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، شۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنغان دۆلەت ياكى رايون.

مۇستەملىكىچى

  • مۇستەملىكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەستەملىكە قىلغۇچى، مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى:[مىسال:] مۇستەملىكىچى دۆلەت.

مۇستەملىكىچىلىك

  • مۇستەملىكىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ئاجىز دۆلەتلەر ياكى رايونلارنى ئېزىش، ھۆكۈمرانلىق قىلىش، قۇل قىلىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش سىياسىتى.

مۇستەملىكىلىك

  • مۇستەملىكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇستەملىكە ھالەت:[مىسال:] جۇڭگو سوتسىيالىزمدىن چەتلىسە، سۆزسىز يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكىلىككە قايتىدۇ.

مۇستەھەپ

  • مۇستەھەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قىلىنسا ياخشى، قىلىنمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئىش:[مىسال:] كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلدۇق. ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر، ئىلىم-پەن ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر، ئوقۇرمىز، ئوقۇتۇرمىز لېكىن سېغىز چايناشىمىز باردۇر.[يەشمىسى:] ② تەرەت ئېلىش ئۈچۈن ئەۋرەتلىرىنى يۇيۇش:[مىسال:] مۇستەھەپ قىلماق.

مۇستەھەپخانا

  • مۇستەھەپخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇستەھەپ قىلىدىغان، تەرەت ئالىدىغان، يۇيۇنۇپ، پاكىزلىنىدىغان ئۆي:[مىسال:] بۇ ئۆي مەسچىت تېمىغا تۇتاش قىلىپ سېلىنغان مۇستەھەپخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشىكى خېلىلا كونىراپ كەتكەن بولغاچقا، ئامانقۇل ئۇنىڭ پۇت-قولىنى يەنە باغلاپ تاشلىدى.

مۇستەھزاد

  • مۇستەھزاد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىر ئۇزۇن، بىر قىسقا مىسرادىن تەركىب تاپقان، ئۇزۇن مىسرالارمۇ ئۆز ئالدىغا قاپىيىلىنىدىغان؛ قىسقا مىسرالار ئۇزۇن مىسرالارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، كۈچەيتىپ بېرىدىغان؛ ئۇزۇن مىسرالارنى قىسقا مىسرالاردىن ئايرىپ قارىغاندىمۇ مەسنەۋى ياكى غەزەل شەكلىنى ئېلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرالايدىغان شېئىر.

مۇستەھكەم

  • مۇستەھكەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بۇزۇلمايدىغان، يېرىلمايدىغان؛ پىششىق، پۇختا، چىداملىق، مەھكەم:[مىسال:] مۇستەھكەم ئىمارەت. مۇستەھكەم كۆۋرۈك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزگەرمەيدىغان، ئاينىمايدىغان؛ بەرقارار:[مىسال:] مۇستەھكەم ئىرادە. مۇستەھكەم دوستلۇق.

مۇستەھكەملەتمەك

  • مۇستەھكەملەتمەك[يەشمىسى:] «مۇستەھكەملىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇستەھكەملەشمەك

  • مۇستەھكەملەشمەك[يەشمىسى:] «مۇستەھكەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۇستەھكەملەنمەك

  • مۇستەھكەملەنمەك[يەشمىسى:] «مۇستەھكەملىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ چاغدا، تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مۇستەھكەملەنگەن دامبا ئۈستىدە پۇت-قولىنى داكا بىلەن تېڭىۋالغان قۇدرەت ئەزالار بىلەن خۇشال پاراڭ سېلىشىپ تۇراتتى.

مۇستەھكەملىك

  • مۇستەھكەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇختىلىق، مۇكەممەللىك، تەرتىپلىك:[مىسال:] ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ باشقا ئامىللىرىغا، مەسىلەن، ماتېرىيالنىڭ خاراكتېرى، قىيىنلىقى، مىقدارى، مۇستەھكەملىك دەرىجىسى قاتارلىقلارغا قاراپ تەكرارلاشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.

مۇستەھكەملىمەك

  • مۇستەھكەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇستەھكەم ھالغا كەلتۈرمەك، مۇكەممەللەشتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ يېڭىلگەن لەشكەرلەرنى يىغىۋېلىپ، قارارگاھنى مۇستەھكەملەپ قاتتىق ساقلاشقا، چىقىپ جەڭ قىلماسلىققا بۇيرۇق بەردى.[يەشمىسى:] ② تەرتىپكە سالماق، كۈچەيتمەك:[مىسال:] يېڭىدىن ئورنىتىلغان پرولېتارىيات دىكتاتورىمىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيتتى.[يەشمىسى:] ③ پۇختىلىماق، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرمەك، پۇختا تەييارلىماق:[مىسال:] دەرسنى مۇستەھكەملىمەك.

مۇسكۇل

  • مۇسكۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى بىر خىل توقۇلما. ئۇ نۇرغۇنلىغان مۇسكۇل تالالىرىنىڭ غۇژمەكلىشىشىدىن تۈزۈلگەن.

مۇسكۇللۇق

  • مۇسكۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇسكۇللىرى يېتىلگەن، تەرەققىي قىلغان:[مىسال:] تىلىۋالدى ئەسىرگە چۈشكەندىن بېرى ئاز سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان، مۇسكۇللۇق بەدىنى قاتاڭغۇر بولۇپ قالغانىدى.

مۇسۇلمان

  • مۇسۇلمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدىكى كىشى:[مىسال:] مۇسۇلمان بولماق. * مۇساپىر بولمىغۇچە، مۇسۇلمان بولماس (ماقال).

مۇسۇلمانچە

  • مۇسۇلمانچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن، مۇسۇلمانلارغا خاس، مۇسۇلمان ئۇسلۇبىدا:[مىسال:] مەن سىزگە ئۆز ئېتىڭىزدىن باشقا مۇسۇلمانچە بىر ئات قويۇپ بەرسەم خالامسىز دېدى ئەبۇ ناسىر سامانى ئۇنىڭغا.

مۇسۇلمانچىلىق

  • مۇسۇلمانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىغا، مۇسۇلمانلارغا خاس قانۇن، تەرتىپ، قائىدە-يوسۇنلار؛ مۇسۇلمانلىق:[مىسال:] مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا (ماقال). * توي كۈنىمۇ ئاللىقاچان تايىن قىلىنىپ بولدى. مۇسۇلمانچىلىقتا بەندىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ.

مۇسۇلمانلىق

  • مۇسۇلمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇسۇلمان بولۇش، مۇسۇلمانغا خاس ئىش-ھەرىكەت، ئادەت:[مىسال:] پېقىرنىڭ بۇ ئوغلىغا مۇسۇلمانچىلىقنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئاغزىغا ئىلىم سېلىپ قويارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە سىلىنى ئىزدەپ، تاۋاپ قىلىپ كېلىشىم.

مۇسىبەت

  • مۇسىبەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۈز بەرگەن قايغۇلۇق ھادىسە، كۆڭۈل يېرىملىق، كۈلپەت، قارىلىق، ھازا:[مىسال:] مۇسىبەتتە بولماق. مۇسىبەت يەتمەك.

مۇسىبەتلىك

  • مۇسىبەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بېشىغا مۇسىبەت يەتكەن، مۇسىبەتكە دۇچ كەلگەن:[مىسال:] مۇسىبەتلىك ئۆي. مۇسىبەتلىك ئادەم.

مۇشاۋىر

  • مۇشاۋىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كېڭەشكۈچى، مەسلىھەت بەرگۈچى، مەسلىھەتچى:[مىسال:] خەمىت سىلىڭ ئۇلارنى كېرەك بولۇپ قالار دېگەن ئوي بىلەن مۇشاۋىرلارغا قوشۇپ بىللە ئېلىۋالغانىدى.

مۇشاۋىرەك

  • مۇشاۋىرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ئۈچىنچىسىنىڭ نامى. ئۇ جەمئىي 31 نەغمە، 363 مىسرا بولۇپ، چوڭ نەغمىگە 17 نەغمە، 216 مىسرا؛ تۆت داستانغا سەككىز نەغمە، 84 مىسرا؛ ئالتە مەشرەپكە ئالتە نەغمە 63 مىسرا جايلاشقان.

مۇشاۋىرلىق

  • مۇشاۋىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشاۋىرغا يۈكلەنگەن ئەمەل، ۋەزىپە:[مىسال:] ئۇ سەمەتنى ھەربىي مۇشاۋىرلىققا تەكلىپ قىلىپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي تەلىم ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى.

مۇشائىرە

  • مۇشائىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرنەچچە شائىر بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر ماۋزۇدا، شۇ ماۋزۇدىكى پىكىرلەرنى راۋاجلاندۇرۇش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان شېئىر ئېيتىشىش مۇسابىقىسى:[مىسال:] ئۇلار ئارىسىدا خۇددى شائىرلار مۇشائىرىسىدەك بىردەم سۆز ئويۇنى بولدى.

مۇشەررەپ

  • مۇشەررەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شەرەپلىك، شانلىق:[مىسال:] «بەش يۇلتۇز» ئۈستىگە بېزەكلەر تاقىدى، جۇدېنىڭ مۇشەررەپ ئىزى قەدىمى. ئەسلەيمىز ئۇ ھايات مەڭگۈ بىز بىلەن، قۇياشتەك نۇر چاچار، ئۆچمەس ئەبەدىي.[يەشمىسى:] ② شەرەپكە مۇيەسسەر بولغان، شەرەپ تاپقان:[مىسال:] ئاتا ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىكىدەك كىشى بولۇش لاياقىتىگە مۇشەررەپ ئەمەسمەن دېدى ساۋۇت كۈلۈپ تۇرۇپ.

مۇشەققەت

  • مۇشەققەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاتتىق قىيىنچىلىق، ئېغىرچىلىق، زەخمەت:[مىسال:] مۇشەققەت تارتماق. مۇشەققەت چەكمەك. * ئۇ يول بويى مۇشۇ خىياللىرىنىڭ ئىلكىدە لەززەتلىنىپ، سەپەر مۇشەققىتىنى ئۇنتۇغان ھالدا يۇرتىغا كەلدى.

مۇشەققەتچىلىك

  • مۇشەققەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتتىق قىيىنچىلىق، ئېغىرچىلىق، مۈشكۈللۈك:[مىسال:] كېرەك يوق، يەتتە يىلنىڭ بۇياقى چىداپ كەلدىم. ھازىر كۈنۈم خېلىلا ياخشى، ئانچىمۇ مۇشەققەتچىلىك سەزمەيمەن.

مۇشەققەتسىز

  • مۇشەققەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇشەققىتى يوق، مۇشەققەت بىلىنمەيدىغان، تەس ئەمەس، ئوڭاي:[مىسال:] مۇشەققەتسىز تۇرمۇش. مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس (ماقال).

مۇشەققەتلىك

  • مۇشەققەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇشەققىتى بار، ئېغىر، قىيىن؛ جاپالىق:[مىسال:] مۇشەققەتلىك تۇرمۇش. مۇشەققەتلىك كەچۈرمىش.

مۇشپىق

  • مۇشپىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شەپقەت قىلىدىغان، شەپقەتلىك:[مىسال:] ئايا ساقىي قەدەھ كەلتۈر، بولۇپ مۇشپىقىي مامۇتنىڭ، كېزىكتەك قىينىلار جىسمىم ھارارەت تەپتىدە ئوتنىڭ.

مۇشت

  • مۇشت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قول پەنجىلىرىنىڭ چىڭ تۈگۈلگەن ھالىتى:[مىسال:] مۇشت ئاتماق. مۇشت كۆتۈرمەك. * ئاش بەرگەنگە، مۇشت بېرىپتۇ (ماقال).

مۇشت ئاتماق

  • مۇشت ئاتماق[يەشمىسى:] ① مۇشت بىلەن ئۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىلىنغان ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماق، ۋاپاسىزلىق قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلىك ئەۋلىياغا ئوخشايتتى. پالۋان ئىلىكنى ھەر قېتىم كۆرۈپ، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلغاندا، بۇ «ئۇلۇغ ئادەم» گە مۇشت ئاتقانلىقىغا نومۇس قىلاتتى.

مۇشت كۆتۈرمەك

  • مۇشت كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] ① مۇشت بىلەن ئۇرۇشقا تەمشەلمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارشى تۇرماق، ئىسيان كۆتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ھۆكۈمەتكە مۇشت كۆتۈرگەندىكىن سىلىگىمۇ مۇشت كۆتۈرگەن بولىدۇ-دە، ئەلۋەتتە، دېدى مىركېرەم.

مۇشتا

  • مۇشتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دۇكاننىڭ كىرىچىگە ئۇرىدىغان، چىلان ياغىچىدىن ياسالغان توقماق.

مۇشتاق

  • مۇشتاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەشنالىق، سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتكۈچى، تەقەززا، ئىنتىزار:[مىسال:] مۇشتاق بولماق. * بىرنەچچە كۈن چوڭ توي-تاماشا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى مۇشتاق ئاشىقلار بىر-بىرىدىن مۇرادلىرىنى ھاسىل قىلىپ ھاتەمگە كۆپلەپ دۇئا قىلىشتى.

مۇشتاقلىق

  • مۇشتاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشنا بولۇش، سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتۈش، تەقەززا بولۇش، ئىنتىزارلىق:[مىسال:] ئوبۇل ھەسەن ئۇنىڭدىن بۇ ئەھۋالنى سېزىپ، ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپتۇ ۋە:[مىسال:] «قەدىرلىك دوستۇم بۇ كېچە بۇ يەردە ئويۇن-كۈلكە بىلەن ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈلنى ئاچ مۇشتاقلىق يۈكلىگەن غەملىرىڭ تارقالسۇن» دېگەنىكەن.

مۇشتەرى

  • مۇشتەرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گېزىت، ژۇرنال، كىتاب قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇچى؛ خېرىدار، ئابۇنىچى:[مىسال:] مۇشتەرى بولماق.

مۇشتەك

  • مۇشتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] تاماكىنى قاداپ چېكىدىغان بىر خىل سايمان:[مىسال:] بۇ ۋەزىپىنى ئۆزلەگە تاپشۇرغان-دە[مىسال:] دېدى تۇڭچى مۇشتەكنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ.

مۇشتەكلىمەك

  • مۇشتەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دىسلىماق، چەيلىمەك، نىقتاپ پىشۇرماق (خېمىر ھەققىدە).

مۇشتلاشتۇرماق

  • مۇشتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مۇشتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇشتلاشچى

  • مۇشتلاشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشتلىشىشقا ئېپى بار، مۇشتلىشىشتا داڭ چىقارغان، مۇشتلىشىش ماھىرى:[مىسال:] ئۇ مەكتەپ بويىچە مۇشتلاشچى بولۇپ، ھەممە بالىلار ئۇنىڭدىن تەپ تارتاتتى.

مۇشتلاشماق

  • مۇشتلاشماق[يەشمىسى:] «مۇشتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئوغرىنى تۇتۇۋېلىپ ھاردۇقى چىققۇدەك مۇشتلاشتى.

مۇشتلانماق

  • مۇشتلانماق[يەشمىسى:] «مۇشتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇشتلىماق

  • مۇشتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇشت بىلەن ئۇرماق، مۇشت بىلەن زەربە بەرمەك:[مىسال:] ئۇ ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەستىنلا تۆمۈرچىنىڭ سەندىلىگە بازغان ئۇرغاندەك مەنسۇر ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئادىمىنى مۇشتلىغىلى باشلىدى.

مۇشتۇم

  • مۇشتۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مۇشت:[مىسال:] ئۇ خوتۇنىنىڭ ئەدىپىنى كېلىشتۈرۈپ بېرىپ قويماقچى بولۇپ، مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگكىنىچە، كارىۋاتقا يېقىنلاشتى.

مۇشتۇمزور

  • مۇشتۇمزور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] يوقسۇل، نامرات، كەمبەغەللەرنى رەھىمسىزلەرچە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان، ئىزىدىغان، زوراۋان:[مىسال:] دۆلەت ئەركانى بۇزۇلۇپ، قانۇن-ياساق ئىشتىن چىقماقتا، مۇشتۇمزورلار غۇلغۇلا كۆتۈرۈپ دۆلەتنى مالىمانچىلىققا سالماقتا، پېقىرنىڭ يۈرىكى مۇجۇلۇپ يانجىلماقتا.

مۇشتۇمزورلۇق

  • مۇشتۇمزورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زوراۋانلىق قىلىش خاھىشى:[مىسال:] ئابدۇللانىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلى قەلبىدە پەيدا بولغان ماتەم ۋە يات تائىپەلەرنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى سەۋەبلىك تۇغۇلغان غازات ئارزۇسى مەدەت بولغان بولسا كېرەك.

مۇشك

  • مۇشك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر خىل كېيىكنىڭ جىنسىي بېزىدىن ئېلىنىدىغان قارامتۇل، خۇشبۇي ماددا؛ (ئەتتارلىق ۋە تېبابەتتە ئىشلىتىلىدۇ):[مىسال:] ئەتىياز بۇلۇتى ئۆتتى ھۆڭگىرەپ، خوتەننىڭ مۇشكىدەك تۈس ئالدى جاھان. ئېيتساڭچۇ تۇتقۇنلۇق پەريادلىرىنى، يېشىڭدىن كۆكەرگەن سەرۋى، سۇۋادان.

مۇشك-ئەنبەر

  • مۇشك-ئەنبەر[يەشمىسى:] مۇشك ۋە ئەنبەر، خۇشبۇي ماددىلار:[مىسال:] ئۇ «تۈرلۈك مۇشك-ئەنبەرلەر، ئۇدگۈلى، تۇمۇچۇق زەيتۇنى ۋە شۇنىڭدەك ئۇ مەملىكەتلەردە ئاز تېپىلىدىغان نەرسىلەرمۇ بار» دەپتۇ.

مۇشۇ

  • مۇشۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① سۆزلىگۈچىگە يېقىن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى ياكى قولىدىكى نەرسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ:[مىسال:] مۇشۇ ئولتۇرۇشتىن بىر سائەتچە كېيىن ئۆزبەگ ئايىم ئۆينى خالىي قىلىپ، ھەسەن ئەلىنى ئۆز يېنىغا قىچقارتىپ كىردى.[يەشمىسى:] ② سۆز بولۇۋاتقان پەيتنى ياكى ئۇنىڭغا يېقىن ۋاقىتنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ:[مىسال:] باشقىلارنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرگىنىدىن خەۋىرىڭىز يوققۇ دەيمەن دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ③ ئېيتىپ ئۆتۈلگەن، كۆزدە تۇتۇلغان ياكى ئاڭلىغۇچى يېقىن دەپ ھېس قىلغان ئادەم، نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ياكى ئۇلارغا ئىشارە قىلىشتا قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] بۇ دەل مۇشۇ ئايشەم ھەدە ئىدى

مۇشۇ تاپ

  • مۇشۇ تاپ[يەشمىسى:] سۆز بولۇۋاتقان پەيت، مۇشۇ ۋاقىت، مۇشۇ چاغ، ھازىر:[مىسال:] مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كەلگەن بولسا، ناھايىتى ياخشى بولاتتى-ھە

مۇشۇ تاپتا

  • مۇشۇ تاپتا[يەشمىسى:] سۆز بولۇۋاتقان پەيتتە، مۇشۇ ۋاقىتتا، مۇشۇ چاغدا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە:[مىسال:] بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن ماشىنا بېكىتىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىش مايسىخان چويۇننىڭ كۆز ئالدىدا گويا مۇشۇ تاپتا يۈز بېرىۋاتاتتى.

مۇشۇ تۇرقىدا

  • مۇشۇ تۇرقىدا[يەشمىسى:] مۇشۇ ھالەتتە، مۇشۇ پەيتتە، مۇشۇ ۋاقىتتا، مۇشۇ چاغدا:[مىسال:] مۇشۇ تۇرقىدا ئاشۇ قاپاقتىكى مۇزدەك سوغۇق چاينى ئەكېلىپ بەرسە ئەجەب ئۇبدان بولاتتى-ھە دېدى ئۇ لەۋلىرىنى تامشىپ.

مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ

  • مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ[يەشمىسى:] تۇرمۇشنىڭ ئېغىر، كۆڭۈلسىزلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە:[مىسال:] قارىغىنا، مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ دېدى بوۋاي.

مۇشۇنچە

  • مۇشۇنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] مۇشۇ مىقداردىكى، مۇشۇ دەرىجىدىكى:[مىسال:] مۇشۇنچە نەرسىنى قانداق كۆتۈرۈپ كېتىسىز

مۇشۇنچىلىك

  • مۇشۇنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ياكى كۆرسىتىلگەن مىقداردا، شۇ دەرىجىدە:[مىسال:] سىز يوق چاغدا بىز مۇشىنچىلىك بىرنېمە قىلدۇق. قالغىنىنى مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلارمىز دېدى ئۇ.

مۇشۇنچىۋالا

  • مۇشۇنچىۋالا[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] مۇشۇنچە كۆپ، شۇنچە نۇرغۇن:[مىسال:] نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا باش قاتۇرۇپ كېتىسىز.

مۇشۇنداق

  • مۇشۇنداق[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئېيتىپ ئۆتۈلگەن، كۆزدە تۇتۇلغاندەك، كۆز ئالدىدىكىدەك، ئاشۇنداق:[مىسال:] مەن كەتمەيمەن، ئۆمرۈم بويى ئىككى بالىڭىزنى بېقىپ مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەي، دېدى ئۇ ئېرىگە.

مۇغەمبەر

  • مۇغەمبەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىلىپ تۇرۇپ ھېچنېمىنى ئۇقمىغان، سەزمىگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان، ئالدامچىلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان؛ ساختىپەز، قۇۋ، ھىيلىگەر، خۇپسەن:[مىسال:] مۇغەمبەر ئادەم.

مۇغەمبەرانە

  • مۇغەمبەرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مۇغەمبەرلەرچە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ئۇنىڭ قولىنى ئامبۇردەك قىسىپ، مۇغەمبەرانە نەزەر بىلەن قاراشلىرىدىنلا خوجايىنلاردا بولىدىغان تەكەببۇرلۇقنى ھېس قىلغانىدى.

مۇغەمبەرلەرچە

  • مۇغەمبەرلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۇغەببەرلەردەك، مۇغەمبەلەرگە ئوخشاش، ھىيلىگەرلىك، خۇپسەنلىك بىلەن:[مىسال:] بىز كىتابخانىدىن چىققىنىمىزدا تالىپ مۇغەببەرلەرچە ھىجىيىپ:[مىسال:] «يۈرۈڭلار ئاشخانىغا كىرىپ بىرەر رومكىدىن كۆتۈرەيلى» دېدى.

مۇغەمبەرلىك

  • مۇغەمبەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساختىپەزلىك، قۇۋلۇق، ھىيلىگەرلىك، خۇپسەنلىك:[مىسال:] كەمپىر مۇغەمبەرلىك قىلىپ، ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ.

مۇغەننى

  • مۇغەننى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ساز چالغۇچى، سازەندە:[مىسال:] مۇغەننىلەرنىڭ ساز ئاۋازىدىن گۈلزار ئىچىدە خىجىلدۇر بۇلبۇل. ئۇيغۇر قىزلىرى چۈشسە ئۇسسۇلغا، كۆرىسەن ئۇنى گويا قىزىلگۈل.

مۇفتا

  • مۇفتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نىم[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ماشىنا ۋە مېخانىزملارنىڭ ئىككى ئوقنى بىر-بىرىگە ئۇلايدىغان قىسمى.

مۇقابىل

  • مۇقابىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قارشى، قارشى ھالدا، قارىمۇقارشى؛ زىت:[مىسال:] مۇقابىل بولماق. مۇقابىل تۇرماق. * كۈنچىقىش لەشكەرلىرى يېتىپ كېلىش بىلەنلا، ئۇلارنىڭ قوشۇنى قارشى چىقتى، ئىككى قوشۇن بىر-بىرىگە مۇقابىل بۇلۇپ تۇرۇشتى.

مۇقاتىل

  • مۇقاتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «مۇقاتىل دەرىخى»گە قاراڭ.

مۇقاتىل دەرىخى

  • مۇقاتىل دەرىخى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك، ئۆتكۈر خۇشبۇي پۇرايدۇ، مېۋىسى بۆرەك شەكىللىك، ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. شاكىلىدىن ماي ئېلىنىدۇ.

مۇقام

  • مۇقام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» ۋە ئۇنىڭ ھەربىر قىسمى. ھەربىر مۇقام چوڭ نەغمە، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئون ئىككى مۇقام جەمئىي 72 خىل نەغمە ۋە 170 تىن ئارتۇق ئاھاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[يەشمىسى:] ② مۇزىكىلىق ئاھاڭ، مۇزىكا ئاھاڭى، كۈي ۋە ئۇنىڭ تەرتىپى:[مىسال:] چىۋ-چىۋ قىلىپ ئۈز مۇقامىغا توۋلاپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقان تورغاي ئاۋازى بەكمۇ يېقىملىق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەرتىپ؛ ئۆلچەم، رىتىم:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ خىل سۆزلىرى ئۆزگەرمەستىن بىر مۇقامدا ئېيتىلىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەرىكەت، ئۇسۇل، يول:[مىسال:] ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ نوپۇز، دەرىجە، مەرتىۋە:[مىسال:] تۆمۈرخان ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ:[مىسال:] راستىن ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يېتىشكەن كىشى ئىكەن دېدى ھەيران قېلىپ.

مۇقامدا يوق

  • مۇقامدا يوق[يەشمىسى:] قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتتە بولمىغان، ئەمەلىيەتكە خىلاپ:[مىسال:] كاتىپ ئۆزىنىڭ ئورۇنسىز، مۇقامدا يوق گەپ بىلەن ئۆز ئېغىزىدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلىپ ئۈن-تىنسىز جىمىپ كەتتى.

مۇقامغا سىغماسلىق

  • مۇقامغا سىغماسلىق[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە، قائىدە-يوسۇنغا، ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك:[مىسال:] دائىم مۇقامغا سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ ئاخىر مۇشۇ كۈنگە قالدىڭ.

مۇقامىغا يەتمەك

  • مۇقامىغا يەتمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا راسا پىشىپ يېتىلمەك، يۇقىرى پەللىگە چىقماق، ۋايىغا يەتمەك:[مىسال:] بالا نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ، كۆپ بىلىم ئېلىپ، ئۆلىمالىق مۇقامىغا يېتىپتۇ.

مۇقامچى

  • مۇقامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇقام ئېيتقۇچى، مۇقام ماھىرى:[مىسال:] مەتياقۇپ مۇقامچىنىڭ غېجەك چېلىشىدىن زوقلىنىپ ساقاللىرىنى لەپىلدىتىپ ماقۇللايتتى، ئۇنىڭ بېيىتلىرى يېڭى ۋە تەسىرلىك ئىدى.

مۇقامچىلىق

  • مۇقامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇقام ئېيتىش، مۇقام بىلەن شۇغۇللىنىش:[مىسال:] ئۇنىڭ چوڭ بوۋىسى ھاشىمئاخۇن ئەينى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر خەلق مۇقامچىلىرىدىن ئىدى.

مۇقامشۇناس

  • مۇقامشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇقامنى تەتقىق قىلىدىغان كىشى، مۇقام مۇتەخەسسىسى:[مىسال:] بۇ يىل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر سەنئەت ئەربابى، ئاتاقلىق مۇقامشۇناس تۇردىئاخۇن ئاكا تۇغۇلغانلىقىغا بىر ئەسىر بولۇپ ئاشتى.

مۇقامشۇناسلىق

  • مۇقامشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇقامنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم، مۇقامنى تەتقىق قىلىش ئىشى:[مىسال:] ئۇ 70 يىللىق ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلق ئەلنەغمىسى ۋە مۇقامشۇناسلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن.

مۇقاۋا

  • مۇقاۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] كىتاب-ژۇرنال، دەپتەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ قەغەز، سۇلياۋ قاتارلىق نەرسىلەردىن قىلىنغان سىرتقى قىسمى؛ تاشلىق:[مىسال:] قاتتىق مۇقاۋا. يۇمشاق مۇقاۋا. كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.

مۇقاۋىچى

  • مۇقاۋىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتاب-ژۇرنال، دەپتەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنى مۇقاۋىلايدىغان ئادەم.

مۇقاۋىچىلىق

  • مۇقاۋىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] كىتاب ئىشلەش جەريانىدىكى مۇقاۋا لايىھىيىلەش خىزمىتى.

مۇقاۋىسىز

  • مۇقاۋىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇقاۋىسى يوق، مۇقاۋىغا ئېلىنمىغا ئادەم.

مۇقاۋىلاتماق

  • مۇقاۋىلاتماق[يەشمىسى:] «مۇقاۋىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇقاۋىلانماق

  • مۇقاۋىلانماق[يەشمىسى:] «مۇقاۋىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان نەقىشلىك شىرە ئۈستىدە شەيخ سەئىدىنىڭ قىزغۇچ كۆندىن كۆركەم مۇقاۋىلانغان «بوستان» ناملىق مەشھۇر كىتابى ئوچۇق تۇراتتى.

مۇقاۋىلىق

  • مۇقاۋىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇقاۋىسى بار، مۇقاۋىلانغان، تاشلانغان:[مىسال:] ئۇ ھازىر كۆزەينىكىنى تاقاپ، تىزىغا قويۇۋالغان قارا خۇرۇم مۇقاۋىلىق چوڭ بىر كىتابنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى.

مۇقاۋىلىماق

  • مۇقاۋىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىتاب، ژۇرناللارنىڭ سىرتىنى مۇقاۋا بىلەن ئورىماق، تاش قاپلىماق؛ تاشلىماق.

مۇقەددەس

  • مۇقەددەس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەزىز، ئۇلۇغ، تەڭداشسىز:[مىسال:] مۇقەددەس جاي. مۇقەددەس كىتاب.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالىيجاناب، سۆيۈملۈك، بىباھا، شەرەپلىك:[مىسال:] تۇغۇلدۇم دۇنياغا ئۆلمىسەم دەيمەن، ئۆلسەممۇ ئارماندا كەتمىسەم دەيمەن. مۇقەددەس ئەل ئىشى بولسا كەڭ ئاسمان، كۆكسىدە يۇلتۇزدەك ئۆچمىسەم دەيمەن.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مۇقەددەسلەشتۈرمەك

  • مۇقەددەسلەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۇقەددەس نەرسىگە ئايلاندۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مەلۇم مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا مەلۇم نەرسە، ئىدىيە قاتارلىقلارنى دىنىي ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق مۇقەددەسلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە قارىتا ئېيتىلىدۇ.

مۇقەددەسلەشتۈرۈلمەك

  • مۇقەددەسلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇقەددەسلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] زەمزەم — مەككىنىڭ شەرقىگە، كەبىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋە ئىسلام دىنىدا مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن چوڭقۇر قۇدۇق.

مۇقەددەم

  • مۇقەددەم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بۇرۇن، ئىلگىرى، ئالدىن، ئاۋۋال:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن بۇ خوتۇنلىرىنى يولغا سېلىۋېتىپ، ئىككى يىل مۇقەددەم يەنە بىر قىزغا ئۆيلىنىپتۇ.

مۇقەددىمە

  • مۇقەددىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىلمىي، ئەدەبىي، مۇزىكا، تىياتىر ئەسەرلىرى ۋە گەپ-سۆز، نۇتۇق قاتارلىقلارنىڭ كىرىش قىسمى، باشلىنىشى:[مىسال:] كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى. مۇزىكىنىڭ مۇقەددىمىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ بېشى، دەسلەپكى باسقۇچى:[مىسال:] ئەتىكى توينىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابىدىكى بۇ ئۇسسۇل سورۇنى كەچ كىرگەنچە قىزىشقا باشلىدى.

مۇقەررەر

  • مۇقەررەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ۋۇجۇدقا كېلىشى، يۈز بېرىشى، ئەمەلگە ئېشىشى ئېنىق بولغان؛ شۈبھىسىز، تۇرغان گەپ، چوقۇم:[مىسال:] بىر ئەركىشى ئالداشقا باشلىسىلا، كەينى-كەينىدىن يالغان ئېيتىشى مۇقەررەر.[يەشمىسى:] ② قارار تاپقان، تايىن؛ تۇرغۇن ھالەتكە كەلگەن:[مىسال:] مۇقەررەر تەرتىپ.

مۇقەررەرلەشتۈرمەك

  • مۇقەررەرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇقەررەرلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇقەررەرلەشتۈرۈلمەك

  • مۇقەررەرلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇقەررەرلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇقەررەرلەشمەك

  • مۇقەررەرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېنىق قارار تاپقان ھالەتكە كەلمەك، مۇقىملاشماق، جەزمەنلەشمەك:[مىسال:] شۇ كۈنلەردە ئاقسۇنىڭ ئىككىلا شەھىرىدە ئۇرۇشنىڭ مۇقەررەرلىشىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرگۈچى بەلگە-ئالامەتلەر سېزىلەرلىك دەرىجىدە ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.

مۇقەررەرلىك

  • مۇقەررەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان مۇقەررەر يۈزلىنىشى.

مۇقۇدىماق

  • مۇقۇدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىر خىزمەتنى ياكى كەسپنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەش نەتىجىسىدە ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كەتمەك؛ ھالسىرىماق.

مۇقۇلداشماق

  • مۇقۇلداشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىل بىرىكتۈرمەك، گېپىنى بىر قىلماق؛ مەخپىي مەسلىھەتلەشمەك.

مۇقىم

  • مۇقىم[مىسال:] سۈپ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىر جايدا دائىم تۇرىدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان، تۇراقلىق:[مىسال:] مۇقىم مۈلۈك. مۇقىم ئىشچى. گەپنى مۇقىم قىلماق.[يەشمىسى:] ② دائىما بولۇپ تۇرىدىغان، ھەمىشە، دائىم:[مىسال:] شەھەردىن بىز تەرەپكە قاتنايدىغان مۇقىم ماشىنا يوق، دېدى ئۇ.

مۇقىمسىز

  • مۇقىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر خىل ھالەتتە تۇرمايدىغان، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان؛ تۇراقسىز:[مىسال:] ھازىر ئۇرۇش ۋاقتى، يېڭىشەھەرنىڭ سېپىلى ئىچىدىكىگە قارىغاندا كونىشەھەر بازىرى مۇقىمسىز.

مۇقىمسىزلىق

  • مۇقىمسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان تۇراقسىز ھالەت؛ تۇراقسىزلىق، مەيدانسىزلىق:[مىسال:] مۇشۇنداق ئادەتنى يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنى تاسادىپىيلىق، مۇقىمسىزلىقتىن مۇقىم، ئىزچىل ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

مۇقىملاشتۇرماق

  • مۇقىملاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مۇقىملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈچىنچى قېتىملىق ياندۇرۇپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن، گۈلەندەم دېئاگنوزنى مۇقىملاشتۇردى.

مۇقىملاشتۇرۇشماق

  • مۇقىملاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «مۇقىملاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۇقىملاشتۇرۇلماق

  • مۇقىملاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مۇقىملاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەر ھەپتىنىڭ 2-، 4-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى يېرىم كۈن ئۆگىنىش ۋاقتى قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇلدى.

مۇقىملاشماق

  • مۇقىملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزگەرمەيدىغان، مۇقىم ھالەتكە كەلمەك؛ تۇراقلاشماق؛ جەزملەشمەك:[مىسال:] ماتور سىناش جازىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالغانلىقى مۇقىملاشتى.

مۇقىملىق

  • مۇقىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇقىم بولغان ھالەت، تۇراقلىقلىق:[مىسال:] قانۇن ھەم نىسپىي ھالدا مۇقىملىققا ئىگە بولۇشى، ھەم سىياسىينىڭ، ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۆزلۈكسىز مۇۋاپىقلىشىپ تۇرۇشى كېرەك.

مۇكاپات

  • مۇكاپات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئېرىشكەن نەتىجە، ياراتقان بىرەر تۆھپە، كۆرسەتكەن خىزمەتلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان ماددىي نەرسە؛ ئىنئام:[يەشمىسى:] مۇكاپات ئالماق. مۇكاپات بەرمەك.

مۇكاپاتلاشماق

  • مۇكاپاتلاشماق[يەشمىسى:] «مۇكاپاتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۇكاپاتلانماق

  • مۇكاپاتلانماق[يەشمىسى:] «مۇكاپاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يىغىن ناھايىتى قىزغىن ئېچىلدى، «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى.

مۇكاپاتلىق

  • مۇكاپاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇكاپاتى بار، مۇكاپات بېرىلىدىغان:[مىسال:] مۇكاپاتلىق پاي چېكى. مۇكاپاتلىق ئويۇن.

مۇكاپاتلىماق

  • مۇكاپاتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياراتقان تۆھپىسى، كۆرسەتكەن خىزمىتى، نەتىجىسى ئۈچۈن ئىنئام، مۇكاپات بەرمەك:[مىسال:] يېقىندا ناھىيىلىك كىنو فىلىم تارقىتىش شىركىتى ئىلغار كىنو قويۇش دۈيى ۋە ئىلغار كىنو قويغۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى.

مۇكاپاتنامە

  • مۇكاپاتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇكاپاتلانغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ئىسپات قەغىزى.

مۇكەممەل

  • مۇكەممەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەر جەھەتتىن تولۇق، كەم-كۈتىسىز، تەلتۆكۈس:[مىسال:] مۇكەممەل قۇرۇلما. مۇكەممەل ئەسەر.[يەشمىسى:] ② تاكامۇللاشقان، كامالەتكە يەتكەن:[مىسال:] ئاتام رەھمىتى ئەرەب، پارس تىللىرىنى مۇكەممەل بىلگەندىن باشقا، يەنە خەنزۇ، مانجۇ، ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلەتتى.

مۇكەممەلسىزلىك

  • مۇكەممەلسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇكەممەل ئەمەسلىك، مۇكەممەللىشەلمەسلىك:[مىسال:] سوتسيالىستىك تۈزۈمىمىزنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەلسىزلىكتىن بىرقەدەر مۇكەممەللىككە يېتىشتە ئۇزاق بىر جەرياننى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقى مۇقەررەر، ئەلۋەتتە.

مۇكەممەللەشتۈرمەك

  • مۇكەممەللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇكەممەللەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ زېرەك مېڭىسى ۋە مول بىلىمى بۇ پىلاننىڭ ياخشى نەتىجىسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەنىدى.

مۇكەممەللەشتۈرۈلمەك

  • مۇكەممەللەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇكەممەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كارخانىلاردا ھەر خىل قائىدە-تۈزۈملەر تەدرىجىي ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

مۇكەممەللەشمەك

  • مۇكەممەللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھەر جەھەتتىن تولۇقلانماق، كەم-كۈتىسىز ھالەتكە كەلمەك، تەلتۆكۈس بولماق:[مىسال:] ئاپتونوم رايونىمىزدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى تەشكىلىي جەھەتتىن يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى.[يەشمىسى:] ② تاكامۇللاشماق، كامالەتكە يەتمەك:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ خىيالىي تەسەۋۋۇرىدا مۇكەممەللەشكەن گۈزەل قىز ئوبرازىنى شەكىللەندۈرۈپ ئالغان بولسا، ئەنە شۇ گۈزەل قامەتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشنى مەسلىھەت قىلىش بىلەن تولدۇرىمىز.

مۇكەممەللىك

  • مۇكەممەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇكەممەل بولغانلىق، مۇكەممەللەشكەنلىك:[مىسال:] ناخشا ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ۋەقە بىرلىكىنىڭ مۇكەممەللىكى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

مۇڭ

  • مۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەم-قايغۇ، مەيۈسلۈك، كۆڭۈل يېرىملىق:[مىسال:] مۇڭ ياسىماق. مۇڭ سالماق. * تاشۋاي راۋاب تارىلىرىدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان مۇڭ ئارقىلىق، يىگىتلەرگە بارغانسېرى يۈرەك دەردىنى، ئارمىنىنى ئېچىپ سۆزلەيتتى.

مۇڭداش

  • مۇڭداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەم-قايغۇ، كۆڭۈل يېرىملىقتا ئورتاق بولغان، ئۆزئارا دەرد-ھەسرەتلىرىنى دېيىشىدىغان كىشى:[مىسال:] مۇڭداش بولماق. * بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش دېمە (ماقال).

مۇڭداشقاق

  • مۇڭداشقاق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىشىلەر بىلەن مۇڭدىشىشنى، سىردىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، مۇڭدىشىشقا ئامراق، پاراڭخۇمار:[مىسال:] ئۇ كاج، تەرسا بولغىنى بىلەن، بەكمۇ ئاق كۆڭۈل، تەدبىرلىك، مۇڭداشقاق ئادەم ئىدى.

مۇڭداشماق

  • مۇڭداشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا مۇڭلىرىنى، دەرد-ھەسرەتلىرىنى، قايغۇلىرىنى ئېيتىشىپ پاراڭلاشماق، سىرداشماق:[مىسال:] ئاخشام ئۇ ئۇخلاش ئالدىدا ھەمرا بىلەن ئۇزاققىچە مۇڭداشتى.

مۇڭ-زار

  • مۇڭ-زار[يەشمىسى:] مۇڭ ۋە زار:[مىسال:] خەلقنىڭ مۇڭ-زارىدىن توقۇلغان بۇ مىسرالار سورۇندىكىلەرنىڭ يۈرەك-باغرىلىرىنى ئېزىۋەتكەنىدى.

مۇڭلانماق

  • مۇڭلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇڭلۇق، مەيۈس، غەمكىن ئەھۋالغا چۈشمەك؛ مەيۈسلەنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئۇزۇنغا بارمىدى، ئۇنىڭ كۈلكىسى ئاستا-ئاستا غايىب بولۇپ، كۆزلىرى يەنە مۇڭلاندى.

مۇڭلۇق

  • مۇڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇڭغا تولغان، غەمكىن، مەيۈس:[مىسال:] مۇڭلۇق ناخشا. مۇڭلۇق ئاۋاز.

مۇلازىم

  • مۇلازىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خىزمەتچى، خادىم:[مىسال:] ئوردا مۇلازىمى. مېھمانخانا مۇلازىمى.

مۇلازىمەت

  • مۇلازىمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خىزمەت؛ كۈتۈش:[مىسال:] مۇلازىمەت قىلماق.

مۇلازىمەتچى

  • مۇلازىمەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىزمەتچى، كۈتكۈچى:[مىسال:] مۇلازىمەتچى ئايال. مۇلازىمەتچى بولماق.

مۇلازىمەتچىلىك

  • مۇلازىمەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باشقىلارنى بىرەر پەۋقۇلئاددە ئىستېمال قىممىتى بىلەن ھەر خىل شەكىلدە تەمىن ئېتىپ تۇرىدىغان غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن، مۇلازىمەت ساھەسىدە يەنى سودا-تىجارەت، ئوزۇق-تۈلۈك كەسپى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى رېمونتچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەمگىكىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇلازىملىق

  • مۇلازىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىزمەتچىلىك، كۈتكۈچىلىك:[مىسال:] مۇلازىملىق قىلماق. مۇلازىملىق كەسپى.

مۇلاقات

  • مۇلاقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۇچرىشىش، كۆرۈشۈش، يولۇقۇش:[مىسال:] مۇلاقات بولماق. * ئۇلارنىڭ ئېتىنى «كېلىن» بىلەن قىز يېتىلەپ تېز چاپقىنىچە يول يۈرۈپ ھېلىقى باغقا كەپتۇ، شاھزادە بىلەن شاھ قىزىغا مۇلاقات بوپتۇ.

مۇلاھىزە

  • مۇلاھىزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ھەققىدە قىلىنغان ئوي-خىيال:[مىسال:] مۇلاھىزە قىلماق. مۇلاھىزە يۈرگۈزمەك.

مۇلاھىزىلىك

  • مۇلاھىزىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇلاھىزە قىلىنغان، مۇلاھىزە نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئويلاپ قىلىنغان:[مىسال:] مۇلاھىزىلىك گەپ. مۇلاھىزىلىك ئىش.

مۇلاۋ

  • مۇلاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ لوچېڭ ناھىيىسىگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى ليۇچېڭ، يېشەن قاتارلىق ناھىيىلەرگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

مۇلايىم

  • مۇلايىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گەپ يەيدىغان، ياۋاش، كۆڭلى يۇمشاق؛ رايىش:[مىسال:] مۇلايىم ئادەم. مۇلايىم بالا.

مۇلايىملاشتۇرماق

  • مۇلايىملاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مۇلايىملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇلايىملاشماق

  • مۇلايىملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇلايىم ھالەتكە كەلمەك، رايىش بولماق؛ ياۋاشلاشماق:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ بۇ ھالىمغا رەھمى كېلىپ قالدىمۇ، بىردىنلا مۇلايىملاشتى.

مۇلايىملىق

  • مۇلايىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭلى يۇمشاقلىق، ياۋاشلىق، رايىشلىق:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ مۇلايىملىقى، ئىشچانلىقى بىلەن كىشىلەرگە تولىمۇ ئىسسىق كۆرۈنەتتى.

مۇلتىپلېت

  • مۇلتىپلېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ بىر گۇرۇپپا كۋانت مېخانىكىلىق ھالىتى. بۇ گۇرۇپپا ھالەتتە ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ بەزى كۋانتلىق سانلىرى ئوخشاش قىممەتكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن باشقا كۋانتلىق سانلارنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

مۇلتىمېتىر

  • مۇلتىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر قارشىلىقى، تۇراقلىق ھەم ئۆزگىرىشچان توك ۋە ئېلېكتر بېسىمى قاتارلىقلارنى ئۆلچەيدىغان ئۇنىۋېرسال ئىسچوتچىك.

مۇلغۇي

  • مۇلغۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] موزدۇزنىڭ شىلىمى:[مىسال:] ئۆيگە بارساق، خوتۇنلىرىمىزنىڭ تاپىسىنى دېمەمسىلەر تېخى ساقلا، ساقلا، ئەتكەن ئاشلىرى مۇلغۇي بولۇپ كېتىپتۇ.

مۇم

  • مۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جىڭ، راست.

مۇمپۇق

  • مۇمپۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سىر بەرمەيدىغان كىشى.

مۇمكىن

  • مۇمكىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىمكان، ئىمكانىيىتى بار بولىدىغان، ئەمەلگە ئاشىدىغان:[مىسال:] مۇمكىن دەپ قارالغان ئىشنى ئەلۋەتتە ئىشلەش كېرەك.[يەشمىسى:] ② «ئېھتىمالى بار، ئىھتېمالدىن يىراق ئەمەس» دېگەن مەنىلەردىكى پەرەزنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ كېلىپ قېلىشى مۇمكىن.  بارسىڭىز كۆرۈشۈشىڭىز مۇمكىن.

مۇمكىنچىلىك

  • مۇمكىنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇن بولىدىغان ئۇنداق ياكى مۇنداق تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشى؛ ئېھتىماللىق؛ مۇمكىنلىك:[مىسال:] قىز بۇ يەردە سەمەت بىلەن كۆرۈشۈپ قېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاپ ئورنىدىن قوزغىلىشقا تەمشەلدى.[يەشمىسى:] ② ئىمكانىيەت، ئىمكان:[مىسال:] خىزمەت بەك ئالدىراش بولغانلىقتىن يۇرتۇمغا بېرىشقا مۇمكىنچىلىك بولمىدى.

مۇمكىنقەدەر

  • مۇمكىنقەدەر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]مۇمكىن+قەدەر[[يەشمىسى:] ئىمكانىيەتنىڭ، ئامالنىڭ بارىچە، ئىلاجى بار؛ ئىمكانقەدەر:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق، لېكىن ئادىل تېخى ياش، مۇمكىنقەدەر ئۆزىمىز تەربىيە بېرىپ تۈزىتىۋالغىنىمىز ياخشى.

مۇمكىنلىك

  • مۇمكىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىمكانىيىتى بار بولۇش، ئەمەلگە ئېشىش:[مىسال:] قىلىچ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بۇنىڭغا قارشى تەييارلىقى بارلىقىنى ئېيتىپ، سامانىيلار قانچىلىك كۈچ بىلەن كىرىش مۇمكىنلىكىنى سورىدى.

مۇمىيا

  • مۇمىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ① مىللىي تېبابەتچىلىكتە سۇنغان سۆڭەكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مۇمسىمان ئورگانىك ماددا.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمدە، كىشىلەر چىرىشتىن ساقلىنىدىغان دورا ماتېرىياللىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ كۆمگەن، چىرىمىگەن جەسەت ياكى يەر شارائىتى قۇرغاق بولغانلىقتىن چىرىمەي قۇرۇپ قالغان جەسەت.

مۇمىيالاتماق

  • مۇمىيالاتماق[يەشمىسى:] «مۇمىيالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇمىيالانماق

  • مۇمىيالانماق[يەشمىسى:] «مۇمىيالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇمىيالىماق

  • مۇمىيالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇنغان سۆڭەكلەرنى قاتۇرۇش ياكى جەسەتلەرنىڭ چىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇمىيا سۈركىمەك، مۇمىيا ئىشلەتمەك.

مۇناپىق

  • مۇناپىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تىلى باشقا، دىلى باشقا، سۆز-ھەرىكىتى بىر-بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان، سەمىمىيەتسىز؛ ئىككى يۈزلىمە:[مىسال:] مۇناپىق ئادەم. مىللىي مۇناپىق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] «قارا يۈز»، «ۋىجدانسىز» دېگەن مەنىدىكى تىل-ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] تۆمۈر خەلپە كىشەن-زەنجىرلىرىنى شاراقلىتىپ ئورنىدىن تۇردى-دە، «تۈفى مۇناپىق، دوزىخىي سەندىن كەلگەن ۋاپا شۇمۇ» دېدى.

مۇناپىقلاشماق

  • مۇناپىقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇناپىقلارچە ئىش-ھەرىكەتتە بولماق، مۇناپىققا ئايلانماق:[مىسال:] ئۇ ياش ۋاقتىدا خېلى تۈزۈك بالىدەك قىلىۋىدى، بىراق كېيىن مۇناپىقلىشىپ كەتتى.

مۇناپىقلىق

  • مۇناپىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋىجدانسىزلىق، قارا يۈزلۈك:[مىسال:] مۇناپىقلىق قىلماق. * ئىرادىسىز كىشى قورقۇنچاق بولىدۇ، قورقۇنچاقلار ۋىجدانسىز بولىدۇ، ۋىجدانسىزلارنىڭ قولىدىن پەسكەشلىك، مۇناپىقلىقنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ.

مۇناجات

  • مۇناجات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇدادىن ياردەم، مەدەت، نىجاتلىق تىلەپ قىلىنىدىغان دۇئا؛ خىتاب:[مىسال:] مۇناجات ئەيلىمەك. مۇناجات قىلماق.

مۇنار

  • مۇنار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىمارەتكە قوشۇپ ياكى ئالاھىدە قۇرۇلغان تۇرخۇن شەكلىدىكى ئېگىز قۇرۇلۇش:[مىسال:] مەسچىت مۇنارى. سۇ مۇنارى. خاتىرە مۇنارى.

مۇنارلىق

  • مۇنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇنىرى بار، مۇنار چىقىرىلغان، مۇنار قىلىنغان:[مىسال:] دېڭىز شامىلى تۆپىلىكتىكى ياغاچ مۇنارلىق كونا ئۆينىڭ راملىرىنى تىترەتتى.

مۇنازىرە

  • مۇنازىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تالاش-تارتىش:[مىسال:] مۇنازىرە قىلماق.

مۇنازىرىچى

  • مۇنازىرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ئۈستىدە تالاش-تارتىش ئېلىپ بارغۇچى.

مۇنازىرىسىز

  • مۇنازىرىسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۇنازىرە ئېلىپ بارماي، تالاش-تارتىش قىلماي:[مىسال:] مۇنداق مەسىلىلەر مۇنازىرىسىزلا ھەل بولۇپ كېتىۋېرەتتى.

مۇنازىرىلەشتۈرمەك

  • مۇنازىرىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇنازىرىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۇنازىرىلەشتۈرۈلمەك

  • مۇنازىرىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇنازىرىلەشتۈرمەك»» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇنازىرىلەشمەك

  • مۇنازىرىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تالاش-تارتىش قىلماق، بەس-مۇنازىرە قىلماق:[مىسال:] بۇ ئاجايىپ مۇنازىرىلىشىۋاتقان ئىككەيلەن ئالماس بىلەن شانىياز ئىدى.

مۇنازىرىلىك

  • مۇنازىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇنازىرە بولغان، مۇنازىرە قىلىنغان:[مىسال:] بۇ تازا بىر مۇنازىرىلىك يىغىن بولدى.

مۇناسىپ

  • مۇناسىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① توغرا كېلىدىغان، ماسلىشىدىغان، مۇۋاپىق، لايىق:[مىسال:] مۇناسىپ ھەرىكەت. مۇناسىپ كەلمەك. مۇناسىپ كۆرمەك.[يەشمىسى:] ② ئەرزىيدىغان، ئەرزىگۈدەك:[مىسال:] تىلغا ئېلىشقا مۇناسىپ ياردەم. * شاھزادە ئاتا-ئانىلىرىغا مۇناسىپ سوۋغىلارنى ئېلىپ تەييار بولدى.

مۇناسىپلىق

  • مۇناسىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توغرا كېلىش، ماسلىشىش، مۇۋاپىقلىق، لايىقلىق.

مۇناسىۋەت

  • مۇناسىۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە؛ مۇئامىلە:[مىسال:] مۇناسىۋەت قىلماق. مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك.[يەشمىسى:] ② تەشكىلاتلار، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى باردى-كەلدى، ئېلىم-بېرىم، مۇئامىلىلىرى، ماددىي ۋە مەنىۋى ھايات بىلەن باغلىق بولغان ئالاقە:[مىسال:] دوستلۇق مۇناسىۋىتى. سودا مۇناسىۋىتى.[يەشمىسى:] ③ نەرسىلەر، كىشىلەر، ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش، ئالاقە:[مىسال:] دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار مۇناسىۋىتى.

مۇناسىۋەتسىز

  • مۇناسىۋەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى، تەسىرى يوق:[مىسال:] مۇناسىۋەتسىز ئىش. مۇناسىۋەتسىز گەپ.

مۇناسىۋەتلەشتۈرمەك

  • مۇناسىۋەتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۇناسىۋەتلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالا ھەمراھى — كىندىك بىلەن تۆرەلمىنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق تۆرەلمىنى ئانا تېنى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ.

مۇناسىۋەتلەشمەك

  • مۇناسىۋەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالاقە، مۇناسىۋەت ئورناتماق؛ باردى-كەلدى، ئالغۇ-بەرگۈ قىلماق، ئالاقىلەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلەشكەنلا كىشى ئۇنىڭدىن رازى بولاتتى.

مۇناسىۋەتلىك

  • مۇناسىۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇناسىۋىتى بار، مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئالاقىدار:[مىسال:] ئۇ ئەتىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، بىر بۆلەك ھېلىلە، موزا، سانا يىغدۇردى.

مۇناقى

  • مۇناقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈزۈمنىڭ بىر تۈرى:[مىسال:] بەشكېرەم ياشلىرى ئىززەتلەپ مېنى، باشلىدى جەننەتتەك گۈزەل بىر باغقا. كۆك ئۈزۈم، مۇناقى... بېدىشتە، تالدا، مەي باغلاپ پىشىپتۇ ئەنجۈرى شاختا.

مۇنەججىم

  • مۇنەججىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاسترونومىيە<بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سالىدىغان كىشى؛ ئاسترونوم:[مىسال:] ئۇ زامانلاردا كىشىلەر بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇشتا ئاۋۋال مۇنەججىملەرگە پال ئاچقۇزۇپ كۆرۈپ، ئاندىن كېيىن ئىسىم قويىدىكەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ناھايىتى پۇختا ئويلاپ قىلىدىغان، نۇرغۇن نەرسىنى بىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] ئۇ بەك مۇنەججىم، بىرنەرسىدىن ئالدىراپ خۇلاسە چىقارمايدۇ.

مۇنەججىملىك

  • مۇنەججىملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇنەججىملەر قىلىدىغان ئىش:[مىسال:] مۇنەججىملىك قىلماق.

مۇنەۋۋەر

  • مۇنەۋۋەر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئېسىل، ئالدىنقى قاتارىدىكى:[مىسال:] مۇنەۋۋەر ئەسەر. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مۇنبەت

  • مۇنبەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق، ھوسۇل كۆپ چىقىدىغان:[مىسال:] مۇنبەت يەر. مۇنبەت زېمىن.

مۇنبەر

  • مۇنبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەسچىت، دەرسخانا، زال قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ۋەز ئېيتقۇچىلار، دەرس ياكى نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھىلىنىپ، يەردىن ئېگىز قىلىپ قۇرۇلغان جايى، سۇپىسى:[مىسال:] مۇنبەرگە چىقماق. مۇنبەردە تۇرۇپ سۆزلىمەك. رەئىس مۇنبىرى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پائالىيەت سورۇنى، مەيدانى، سەھنە:[مىسال:] ئەدەبىيات مۇنبىرى. سەنئەت مۇنبىرى. تارىخ مۇنبىرى.

مۇنتەزىر

  • مۇنتەزىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] تەقەززا، تەشنا، ئىنتىزار:[مىسال:] مۇنتەزىر بولماق. * ھالا 40 كۈن بولدى، قۇش يەرگە چۈشمىدى، ھېچكىمنىڭ بېشىغا قونمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خالايىقلار كىچە-كۈندۈز قۇشقا مۇنتەزىردۇر.

مۇنتىزىم

  • مۇنتىزىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تەرتىپلىك يوسۇندا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدىغان، بۇزۇلمايدىغان، ۋاقىتلىق ئەمەس:[مىسال:] مۇنتىزىم پىلان. مۇنتىزىم تەربىيە.[يەشمىسى:] ② بەلگىلەنگەن تەرتىپتە، سىستېمىلىق ئىش ئېلىپ بارىدىغان، چۇۋالچاق ئەمەس:[مىسال:] مۇنتىزىم قوشۇن.

مۇنتىزىملاشتۇرماق

  • مۇنتىزىملاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مۇنتىزىملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش دېگەندە ياشلاشتۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇنتىزىملاشتۇرۇلماق

  • مۇنتىزىملاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مۇنتىزىملاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۇنتىزىملاشماق

  • مۇنتىزىملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇنتىزىم ھالەتكە كەلمەك، تەرتىپلىك يوسۇندا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماق:[مىسال:] بىز ئارمىيىمىزنى زامانىۋىلاشقان، مۇنتىزىملاشقان ئىنقىلابىي ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق.

مۇنتىزىملىق

  • مۇنتىزىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇنتىزىم ھالەت، مەزمۇت، تەرتىپلىك بولۇش:[مىسال:] ئاھاڭ شەكلىنىڭ مۇنتىزىملىقى مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىدىن بىرى.

مۇنچا

  • مۇنچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇيۇنۇش ئۆيى؛ ھاممام:[مىسال:] مۇنچىدا يۇيۇنماق. مۇنچىغا چۈشمەك.

مۇنچە

  • مۇنچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «بۇنچە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن لېۋىنى چىشلىدى. ئانىسى ئۇنى تىللىغان، ۋارقىرىغان، نەلەردە يۈردۈڭ دەپ سوراق قىلغان بولسا، ئۆزىنى مۇنچە قىينالغان ھالدا ھېس قىلمىغان بولاتتى.

مۇنچىچى

  • مۇنچىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مۇنچىكەش»كە قاراڭ.

مۇنچىچىلىق

  • مۇنچىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇنچا باشقۇرۇپ كىشىلەرنىڭ يۇيۇنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كەسىپ.

مۇنچىكەش

  • مۇنچىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇنچىغا قارايدىغان، مۇنچا باشقۇرىدىغان كىشى.

مۇنچىكەشلىك

  • مۇنچىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇنچىغا قاراش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش كەسپى.

مۇنچىلىك

  • مۇنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «بۇنچىلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ھوي نېمە دەيلا ئەمەت ئەپەندىم، ئون كويلۇقتىن بىرپېچەت پۇل دېگەن ئاز گەپمۇ، چىشىم چىقىپ قولۇم مۇنچىلىك جىق پۇل كۆرمىگەنىدى.

مۇنچىۋالا

  • مۇنچىۋالا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «بۇنچىۋالا»غا قاراڭ:[مىسال:] نىياز قۇربان، قاسىمنىڭ مۇنچىۋالا ئالاقزادە بولۇپ دۇدۇقلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتى.

مۇندا

  • مۇندا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] بۇ جايدا:[مىسال:] گەپ مۇندا ئەمەس.

مۇنداق

  • مۇنداق[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] «بۇنداق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ (ماقال).

مۇنداق قارىغاندا

  • مۇنداق قارىغاندا[يەشمىسى:] ئەھۋالدىن قارىغاندا، نەزەر سالغاندا، دىققەت قىلغاندا:[مىسال:] گىلەم ئۈستىگە قوش-قوش بەقەسەم يېكەندازلار سېلىنغان. مۇنداق قارىغاندا، بۇ ھەشەمەتلىك خانىدان قانداقتۇر داغدۇغىلىق مەرىكىگە تەرەددۇت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

مۇنداقتا

  • مۇنداقتا[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] مۇنداق بولغاندا، مۇشۇ ھالدا:[مىسال:] بىز تېخى «ئاكامنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ، ئاكامنىڭ بەختىگە كۆڭۈل بۆلمىدى» دەپ دادام بىلەن ھازىرقى ئانامدىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمىز. مۇنداقتا، بىز ئۇلاردىن بىكارلا ئاغرىنىپتىمىز-دە

مۇنداقچە

  • مۇنداقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يۈزەكى، ئاددىي قىلىپ؛ بىر تەرەپلىمە:[مىسال:] مۇنداقچە ئېيتقاندا.

مۇندەرىجە

  • مۇندەرىجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] كىتاب، ژۇرنال قاتارلىقلارنىڭ بېشى ياكى ئاخىرىدا ئۇنىڭ سەھىپە ناملىرىنى بەت نومۇرى بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدىغان رويخەت:[مىسال:] كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى. تارىم ژۇرنىلىنىڭ مۇندەرىجىسى.

مۇندۇلاج

  • مۇندۇلاج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. دورا ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. قىزىتمىنى قايتۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولى بار.

مۇنقەرز

  • مۇنقەرز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، باشقىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشايدىغان، مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان، بېقىندى؛ يوقالغان، تۈگىگەن:[مىسال:] مۇنقەرز بولماق. مۇنقەرز قىلماق.

مۇنقەرزلىك

  • مۇنقەرزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇش، باشقىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاش، مۇستەقىللىقىنى يوقۇتۇش، يوقۇلۇش، تۈگەش؛ بېقىندىلىق:[مىسال:] بۇ ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان ئىلغار كىشىلەر ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ھەقىقەت ئىزدىدى.

مۇنكىر

  • مۇنكىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىنكار قىلغۇچى، رەت قىلغۇچى؛ قارشىلىق قىلغۇچى:[مىسال:] بىلىمدىن باتىنىڭ نۇرلانمىسا، كۆڭلۈڭ قاراڭغۇ تۈن، قۇياش نۇرىغا مۇنكىر شەپەرەڭلەرگە مەدەتكار يوق.

مۇنكىر-نەكىر

  • مۇنكىر-نەكىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچىدە مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلۈكنى سوراق قىلىدىغان ئىككى پەرىشتە.

مۇنۇ

  • مۇنۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «ماۋۇ»غا قاراڭ.

مۇھاپىزەت

  • مۇھاپىزەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تاشقى تەسىرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش، قوغداش، ئاسراش؛ ھىمايە:[مىسال:] مۇھاپىزەت قىلماق. مۇھاپىزەت ئورمىنى.

مۇھاپىزەت ئورمىنى

  • مۇھاپىزەت ئورمىنى[كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] ھاۋا كىلىماتىنى تەڭشەش، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ۋە قۇم-بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئازايتىش مەقسىتىدە بىنا قىلىنغان ئورمان بەلۋېغى ياكى كەڭ دائىرىلىك ئورمانلىق.

مۇھاپىزەتچى

  • مۇھاپىزەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھاپىزەت قىلغۇچى، مۇھاپىزەت ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن كىشى:[مىسال:] ئۇ نەچچە يىل باشلىقنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ∥مۇھاپىزەتچى قىسىم ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەنىدى.

مۇھاپىزەتچىلىك

  • مۇھاپىزەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھاپىزەت قىلىش ئىشى:[مىسال:] شاۋۇدۇن بىلەن ساۋۇر، مۇھاپىزەتچىلىككە تەيىنلەندى.

مۇھاجىر

  • مۇھاجىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان، باشقا ئەلدە ياشاۋاتقان كىشى؛ مۇساپىر:[مىسال:] چەت ئەل مۇھاجىرى. مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى.

مۇھاجىرلىق

  • مۇھاجىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھاجىر بولۇپ ياشاش، تۇرمۇش كەچۈرۈش:[مىسال:] ئۇنى مىسكىن مۇھاجىرلىق تەقدىرى، ئۇزاق ۋە يات ياۋروپاغا ئەكەلدى. سەرسان يىگىت بىلىم ئىزدەپ، نان ئىزدەپ، ئەلدىن ئەلگە، يۇرتتىن يۇرتقا يۆتكەلدى.

مۇھاسىرە

  • مۇھاسىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قورشاۋ، قامال:[مىسال:] مۇھاسىرە قىلماق. مۇھاسىرىگە ئالماق.

مۇھاسىرىچى

  • مۇھاسىرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھاسىرە قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن كىشى:[مىسال:] مۇشۇنداق بىر كۈننى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن كىشىلەر چىراغ يورۇقىنى كۆرگەن پەرۋانىدەك ئېتىلىپ كېلىپ، مۇھاسىرىچىلەر قاتارىغا قېتىلدى. ∥ مۇھاسىرىچى قىسىم.

مۇھاكىمە

  • مۇھاكىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر خۇلاسىگە كېلىش ئۈچۈن كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىش، ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىش؛ مۇزاكىرە:[مىسال:] مۇھاكىمە ئۇزاق ۋە قىزغىن بولدى.[يەشمىسى:] ② پىكىر يۈرگۈزۈش، مۇلاھىزە؛ پىكىر:[مىسال:] مۇھاكىمە يۈرگۈزمەك. * قوشۇماڭنى تۈرۈپسەن گۈلقىز، مۇھاكىمە قىلغاندا كەچتە. خۇشاللىقىڭ ئايان كۆزۈڭدە، نېمىلەر كەچتى شۇ دەم پىكرىڭدە.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>لوگ<[يەشمىسى:] ئەقلىي خۇلاسە.

مۇھاكىمىچى

  • مۇھاكىمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھاكىمە قىلغۇچى كىشى.

مۇھەببەت

  • مۇھەببەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشىگە، بىرەر نەرسە ياكى ئىشقا بېرىلىش، مايىللىق تۇيغۇسى؛ سۆيگۈ، ئىشق، مېھىر:[مىسال:] مۇھەببەت باغلىماق. * مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مۇھەببەتسىز

  • مۇھەببەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇھەببىتى يوق، مۇھەببەتنى بىلمەيدىغان:[مىسال:] مۇھەببەتسىز گۈلدىن ياخشىدۇر ياپراق، بىبەھرە گىياھتىن ياخشىدۇر تۇپراق، بىئەقىل يولداشتىن ياخشىدۇر تاياق، كور كىشىگە يۈرەر يولىن بىلدۈرۈر.

مۇھەببەتلەشمەك

  • مۇھەببەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇھەببەت باغلىماق، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشمەك:[مىسال:] بىزنىڭ نادىر چىڭ چىقىپتۇ ئەمەسمۇ، ھېلىقى دوختۇرخانىدىكى ئاسىيە مودا بىلەن يېقىندىن بېرى ئېتىزدا مۇھەببەتلىشىپ يۈرگۈدەك.

مۇھەببەتلىك

  • مۇھەببەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇھەببىتى بار؛ مۇھەببەتنى بىلىدىغان؛ مۇھەببەت ئىزھار قىلىنغان:[مىسال:] مۇھەببەتلىك پاراڭ. مۇھەببەتلىك تۇرمۇش.

مۇھەببەتنامە

  • مۇھەببەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مۇھەببەت ھەققىدە يېزىلغان، سۆيگۈ ئىزھار قىلىنغان خەت:[مىسال:] رەيھانەم شىرەگە ھېلىقى ساختا مۇھەببەتنامىنىمۇ ئالدى.

مۇھەببەت-نەپرەت

  • مۇھەببەت-نەپرەت[يەشمىسى:] مۇھەببەت ۋە نەپرەت:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلار ئارىسىدا غۇۋا پارقىراپ تۇرغان قارىچۇقىدا ئۆمۈرلۈك قايغۇ-ھەسرەت ۋە گىرەلىشىپ كەتكەن مۇھەببەت-نەپرەت بىر يولىلا ئۇيۇپ قالغانىدى.

مۇھەررەم

  • مۇھەررەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھىجىرىيىنىڭ 1-ئېيى، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدا 1-ئاي. ئۇ ھوشۇر (ئاشۇر) ئاي دەپمۇ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مۇھەررىر

  • مۇھەررىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەرد<[يەشمىسى:] تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] ئەدەبىي مۇھەررىر. باش مۇھەررىر. مەسئۇل مۇھەررىر.

مۇھەررىرلىك

  • مۇھەررىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھەررىرلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، ۋەزىپە:[مىسال:] مۇھەررىرلىك قىلماق.

مۇھتەسىپ

  • مۇھتەسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] جىڭ-تارازا ۋە باھانى نازارەت قىلغۇچى؛ ھېساب ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىن ۋە جامائەت ئىشلىرىدا شەرىئەت قانۇنى بويىچە ياخشى ئىشلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان نازارەتچى:[مىسال:] دەررە كۆتۈرگەن بىرقانچە مۇھتەسىپلەر بىر ئەر، ئىككى ئايالنى ھەيدەپ كىرىپ قازىلارغا توغرا قىلدى.

مۇھىت

  • مۇھىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھايات، پائالىيەت داۋاملىشىۋاتقان تەبىئىي شارائىتلار؛ ئەتراپتىكى يەر-جايلار، ئەتراپ:[مىسال:] مۇھىت تازىلىقى. تەبىئىي مۇھىت.[يەشمىسى:] ② ھۈنەر-كەسىپ، ئىش-پائالىيەت ۋە شۇ قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بىر-بىرىگە باغلىق بولغان كىشىلەر دائىرىسى؛ ئەتراپتىكى ئەھۋال ياكى شۇ يەرنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتى:[مىسال:] سېسترالار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، شەھەرلىك بىرىنچى دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىنغان گۈلباھار يېڭى مۇھىتقا ناھايىتى تېزلا كۆنۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بىر خىل ماددا يەنە بىر خىل ماددىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ مۇھىتى بولىدۇ.

مۇھىم

  • مۇھىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ئەھمىيەت جەھەتتىن بىرىنچى دەرىجىلىك:[مىسال:] مۇھىم ئىش. مۇھىم مەسىلە.

مۇۋاپىق

  • مۇۋاپىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ماس، توغرا كېلىدىغان، مۇناسىپ، لايىق:[مىسال:] مۇۋاپىق كەلمەك. مۇۋاپىق كۆرمەك.

مۇۋاپىقلاشتۇرماق

  • مۇۋاپىقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مۇۋاپىقلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بەزى ئەينەك نەيچىلەرنى قىزدۇرۇپ ئېگىپ تەجرىبىگە مۇۋاپىقلاشتۇردى.

مۇۋاپىقلاشتۇرۇلماق

  • مۇۋاپىقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مۇۋاپىقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۈندىن-كۈنگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇلدى.

مۇۋاپىقلاشماق

  • مۇۋاپىقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۇۋاپىق، مۇناسىپ، لايىق ھالەتكە كەلمەك، ماسلاشماق:[مىسال:] بۇقرات تۇنجى قېتىم شۇ زاماندىكى تەبىئەت ئىلمىگە مۇۋاپىقلاشقان تېبابەت نەزەرىيە ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇۋازىنەت

  • مۇۋازىنەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جىسىملارنىڭ قارىمۇقارشى يۆنەلگەن تەڭ كۈچلەر تەسىرىدىكى تىنچ، تۇرغۇن ھالىتى:[مىسال:] مۇۋازىنىتىنى ساقلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارىمۇقارشى كۈچلەرنىڭ، ھادىسىلەرنىڭ تەڭلىشىشى، ئۇيغۇنلىشىشى تۈپەيلى سادىر بولغان نىسپىي تۇرغۇنلۇق:[مىسال:] سىياسىي كۈچلەر مۇۋازىنىتى. مۇۋازىنەت سېزىمى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] تەڭپۇڭلۇق:[مىسال:] مۇۋازىنەت نەزەرىيىسى.

مۇۋازىنەتلىك

  • مۇۋازىنەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرغۇنلۇق، تەڭپۇڭلۇق:[مىسال:] قارىمۇقارشىلىقنىڭ بىرلىكى (بىردەكلىكى، ئوخشاشلىقى، مۇۋازىنەتلىكلىكى) شەرتلىك، بىردەملىك، ۋاقىتلىق، نىسبىي بولىدۇ. بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدىغان قارىمۇقارشىلىقلارنىڭ كۈرىشى بولسا مۇتلەق بولىدۇ.

مۇۋەببەلسىپىت

  • مۇۋەببەلسىپىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى يىپسىمان، توپلىشىپ ئۆسىدۇ. يازنىڭ بېشىدا چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك، سۆسۈن رەڭ، ئومۇم گۈل رېتىدە. مېۋىسى يېرىلىپ، ئۇرۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تۈگۈنەك يىلتىزى ئازراق موكا شەكلىدە بولۇپ، دورا قىلىشقا بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ قۇۋۋەت دورىسى ھېسابلىنىدۇ ھەمدە يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

مۇۋەپپەق

  • مۇۋەپپەق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇيەسسەر بولۇش، مەقسەتكە يېتىش، ئېرىشىش:[مىسال:] ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. يەنە دەل باھار ۋاقتىدا خىزمەت بىلەن يېزىلارغا چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.

مۇۋەپپەقىيەت

  • مۇۋەپپەقىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتىن قولغا كەلتۈرگەن، ئېرىشىلگەن نەتىجە؛ غەلىبە، ئۇتۇق:[مىسال:] مۇۋەپپەقىيەت قازانماق. * بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈچۈن، ئۇنى سىنىپ مۇدىرى ۋە ساۋاقداشلار سەمىمىي قۇچاقلاپ تەبرىكلىدى.

مۇۋەپپەقىيەتسىز

  • مۇۋەپپەقىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇۋەپپەقىيىتى يوق، نەتىجىسىز:[مىسال:] مۇپپەقىيەتسىز ئىش.

مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك

  • مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇۋەپپەقىيىتى يوقلۇق، نەتىجىسىزلىك:[مىسال:] مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىماق.

مۇۋەپپەقىيەتلىك

  • مۇۋەپپەقىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؛ ئۇتۇقلۇق، نەتىجىلىك:[مىسال:] بۇ قىيىن ۋەزىپىنى ئۇ خېلىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىدى.

مۇۋەششەھ

  • مۇۋەششەھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ھەربىر بېيىتنىڭ بېشىدىكى ياكى ھەربىر مىسرانىڭ بېشىدىكى ھەرپلەرنى قۇراشتۇرسا كىشى ئىسمى ياكى بىرەر مەنىلىك سۆز چىقىدىغان شېئىر شەكلى:[مىسال:] لۇتپۇللا مۇتەللىپ «دوستۇمغا مۇۋەششەھ» دېگەن شېئىرنى يازغان.

مۇۋەققەت

  • مۇۋەققەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دائىمىي بولمىغان، ۋاقىتلىق:[مىسال:] مۇۋەققەت رەئىس. مۇۋەققەت ھۆكۈمەت.

مۇيات

  • مۇيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يادىكار، ئەستىلىك، خاتىرە.

مۇياتلىق

  • مۇياتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەتىۋار، ئېسىل؛ كۆڭۈلدىكىدەك.

مۇيەسسەر

  • مۇيەسسەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئېرىشىش، مۇمكىنلىك، يېتىشىش، سازاۋەر:[مىسال:] مۇيەسسەر بولماق. مۇيەسسەر قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مۇيىم-تۇيىم

  • مۇيىم-تۇيىم [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈش.

مۆ

  • مۆ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كالا مۆرىگەندە چىقىدىغان سوزۇلما ئاۋاز:[مىسال:] تالاغا قاراڭغۇ چۈشكەن، ھويلا جىمجىت، ئانىسىنى سېغىنغان باغلاقتىكى موزاي «مۆ» قىلىپ يەنە مۆرىدى.

مۆتەزىلە

  • مۆتەزىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] Ⅷ ئەسىردىن Ⅻ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىسلام دىنىنىڭ بىر مەزھىپى.

مۆتىدىل

  • مۆتىدىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس، ئوتتۇرىچە:[مىسال:] مۆتىدىل ھاۋا. مۆتىدىل بەلۋاغ.[يەشمىسى:] ② بىرەر تەرەپكە، بىرەر ئېقىمغا يان باسمايدىغان، ئوتتۇرىدىكى:[مىسال:] كوممۇنىستىك پارتىيە گومىنداڭغا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى فېئۇدال كۈچلەرگە قارىتا مۆتىدىل سىياسەت قوللاندى.[يەشمىسى:] ③ نورمال:[مىسال:] تېببىي خادىملارنىڭ تەبىئىي مىزاجى مۆتىدىل بولۇشى لازىم.

مۆتىدىل بەلۋاغ

  • مۆتىدىل بەلۋاغ[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] جەنۇبىي ۋە شىمالىي يېرىم شارلاردىكى قۇتۇپ چەمبىرى بىلەن تروپىك سىزىقى ئارىلىقىدىكى جايلار. كىلىماتى ئىللىقراق كېلىدۇ.

مۆتىدىللەشمەك

  • مۆتىدىللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۆتىدىل ھالەتكە كەلمەك، مۆتىدىل بولماق:[مىسال:] قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايونلارنىڭ ھاۋا كىلىماتى ھازىر مۆتىدىللەشمەكتە.

مۆتىدىللىق

  • مۆتىدىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۆتىدىل، نورمال بولغان ھالەت:[مىسال:] ئۆمۈرنىڭ ھەربىر باسقۇچىدا مىزاجنىڭ مۆتىدىللىككە ئۆزگىرىشى «مۆتىدىل مىزاج پەسلى» دېيىلىدۇ.

مۆتىۋەر

  • مۆتىۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خەلق ئىچىدە يۈز ئابرۇيى بار، ھۆرمەتكە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مۆتىۋەر ئادىمى ئىدى.

مۆتىۋەرلىك

  • مۆتىۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۆتىۋەرلەرگە خاس ئىش-ھەرىكەت، خاراكتېر:[مىسال:] ھېزىمئاخۇننىڭ قېلىن چار ساقىلى بىلەن گۆشلۈك قىزىل يۈزى ئۇنىڭغا مۆتىۋەرلىك سالاپەت بېرىپ تۇراتتى.

مۆجىزات

  • مۆجىزات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلمىغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھادىسىلەر، ئىشلار، مۆجىزىلەر:[مىسال:] قايسى بىر مۆجىزات مۇئەللىمسىز ۋۇجۇدقا چىققان

مۆجىزە

  • مۆجىزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ئادەتتىن تاشقىرى ئىش، ھادىسە، نەرسە:[مىسال:] مۆجىزە ياراتماق.

مۆجىزىكار

  • مۆجىزىكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مۆجىزە ياراتقۇچى، پەيدا قىلغۇچى:[مىسال:] خۇشتار ئىدىم قۇياش، يۇلتۇز، ئايلارغا، شۇلار بىلەن ياشىراتتى گۈل بېغىم. سىڭگەندىمۇ مۆجىزىكار ئاسمانغا، قۇياش چېغىم، يۇلتۇز چېغىم، ئاي چېغىم.

مۆجىزىلىك

  • مۆجىزىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، كىشىلەر كۆرۈپ باقمىغان، ئاجايىپ:[مىسال:] ھەردائىم مۆجىزىلىك يېڭىلىقلارنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.

مۆرەتمەك

  • مۆرەتمەك[يەشمىسى:] «مۆرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كالىنى مۆرەتمەك.

مۆرەشمەك

  • مۆرەشمەك[يەشمىسى:] «مۆرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياندى ئۆيلەرگە پادا سۈرۈك-سۈرۈك، توختىماستىن مۆرىشىپ يولدىن ئۆتۈپ.

مۆرەن

  • مۆرەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەريا، كېچىك.

مۆرۇخات

  • مۆرۇخات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تال-تال ئۆسىدىغان، يوپۇرمىقى سوقىچاق، مېۋىسى يومىلاق قىزىل، لىمون تەملىك، چاتقال تىپىدىكى ئۆسۈملۈك. تېبابەتچىلىكتە سوغۇقلۇق دورىسى قىلىنىدۇ.

مۆرىت

  • مۆرىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى قۇلاي پەيت، ۋاقىت، پۇرسەت:[مىسال:] ساڭىمۇ مۇشۇنداق بىر مۆرىتى كەلسۈنچۇ، ئۇ چاغدا سېنىڭ قانداق قىلىشىڭنى كۆرەرمىز.

مۆرىمەس

  • مۆرىمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايدىغان، جىمغور:[مىسال:] تازا بىر ئاداش ئىكەنسەن، شوپۇر شۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى، نېمە تۈگىمەيدىغان خىيال بۇ سىلىمۇ ماڭا ئوخشاش مۆرىمەسمۇ يا

مۆرىمەك

  • مۆرىمەك[يەشمىسى:] ① «مۆ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «مۆ» قىلماق:[مىسال:] يېزا دېگەندە نەگىلا بارما، توسمىنىڭ شارقىرىشىدىن، موزايلارنىڭ مۆرىشىدىن بۆلەك ئاۋاز ئاڭلىمايسەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ قىلماق، سۆزلىمەك، ئېيتماق:[مىسال:] ۋۇي ھۈسىيىن، دېدى ئۇ يېنىمدا توختاپ، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز، ئۆيۈمنى ئىجارىگە بېرىمەن ئاكا دەپ بالدۇرراق مۆرەپ قويسىڭىز بولماسمىدى.

مۆكتۈرمە

  • مۆكتۈرمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۆكتۈرۈلگەن، يوشۇرۇنغان، يوشۇرۇنۇپ قىلىنغان:[مىسال:] مۆكتۈرمە جەڭ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] مۆكتۈرۈپ قويۇلغان قوشۇن:[مىسال:] يولغا مۆكتۈرمە قويدۇڭلارمۇ سورىدى قوماندان.

مۆكتۈرمەك

  • مۆكتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۆكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۆمۈر خەلپە ئۆز يىگىتلىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، جىلغىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قارىغاي ۋە قورام تاشلارنىڭ كەينىگە مۆكتۈردى.

مۆكتۈرۈلمەك

  • مۆكتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۆكتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يول بويىغا مۆكتۈرۈلگەن يىگىتلەر ئەھۋالنى خۇجىنىيازغا مەلۇم قىلدى.

مۆكمەك

  • مۆكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزىنى دالدىغا ئالماق، يۇشۇرۇنماق:[مىسال:] ئۇ دەرەخ كەينىگە مۆكتى.

مۆكۈشمەكⅠ

  • مۆكۈشمەكⅠ[يەشمىسى:] «مۆكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار كونا خاماندا مۆكۈشۈپ ئويناۋاتاتتى.

مۆكۈشمەكⅡ

  • مۆكۈشمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىلار ئويۇنىنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭدا بالىلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر تەرەپ مۆكسە، يەنە بىر تەرەپ ئىزلەپ تېپىپ ئوينايدۇ:[مىسال:] مۆكۈشمەك ئوينىماق.

مۆكۈنمەك

  • مۆكۈنمەك[يەشمىسى:] «مۆكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ گەمىگە مۆكۈندى.  ئۇ ئۆيگە كىرىپ مۆكۈنۈۋېلىپ زادىلا چىققىلى ئۇنىمىدى.

مۆكىمۆكىلەڭ

  • مۆكىمۆكىلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مۆكۈشمەكⅡ»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ چاغدا بىر توپ بالىلار دەريا بويىدا مۆكىمۆكىلەڭ ئويناۋاتاتتى.

مۆڭ

  • مۆڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى-ياماننى ئانچە پەرق ئېتىپ كېتەلمەيدىغان، كاللىسى تازا ياخشى ئىشلەپ كەتمەيدىغان، دۆت، كالۋا:[مىسال:] ئۇ راستتىنلا مۆڭ ئادەممۇ ياق بۇ بىر ئويۇن، دېدى قاسىم ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ.

مۆڭدەرىمەك

  • مۆڭدەرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇدىنى يوقاتماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرى ئۇشتۇمتۇت مۆڭدەرەپ، قاتتىق ۋارقىراپ كېتىپتۇ.

مۆڭكۈشلىمەك

  • مۆڭكۈشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۆڭكۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتنى قىلماق:[مىسال:] چېرىكلەر پاتىپاراق بولۇپ قېچىشتى، ئاتلىرى ھەم بۇ زەربىدىن مۆڭكۈشلىدى.

مۆڭكۈگەك

  • مۆڭكۈگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۆڭكۈيدىغان، چىچاڭلايدىغان:[مىسال:] مۆڭكۈگەك ئات. مۆڭكۈگەك ئېشەك.

مۆڭكۈمەك

  • مۆڭكۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارقا ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تېپچەكلىمەك؛ چىچاڭلىماق (ئات-ئۇلاغ ھەققىدە):[مىسال:] ئات مۆڭكۈدى. ئېشەك مۆڭكۈدى.

مۆڭگەك

  • مۆڭگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۆڭكۈيدىغان:[مىسال:] بىرنى دېدىڭىز تەپكەك، بىرنى دېدىڭىز مۆڭگەك، سۆيمەيسىز تېخى ئەمگەك، ۋاقتىڭىز ئۆتەر بىكار.

مۆڭگەكلىمەك

  • مۆڭگەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مۆڭكۈمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ھېلىقى ئاتمۇ بىر كۈلكە چىقارغۇسى كەلگەندەك قامچا تېگەر-تەگمەستىن قۇيرۇقىنى دىڭگايتىپ، بىر-ئىككىنى مۆڭگەكلىگەندىن كېيىن ئاستا مېڭىپ كەتتى.

مۆڭلۈك

  • مۆڭلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۆتلۈك، بىخۇتلۇق:[مىسال:] مۆڭلۈك قىلماق.

مۆڭمەك

  • مۆڭمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مۆڭكۈمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] توسۇن ئاتتەك، پات-پات مۆڭۈپ تۇرىدىغان پۇقرانى سۇدىن ئىبارەت بۇ مۇستەھكەم ئارغامچا بىلەن ھاكىمدارلىق قوزۇقىغا باغلاپ تۇرغىلى بولاتتى.

مۆل

  • مۆل[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① ياشنىڭ كۆزدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلۈپ ئېقىش ھالىتى.[يەشمىسى:] ② كۆزنى مۆلدۈرلىتىپ قاراش ھالىتى.

مۆلە

  • مۆلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېشەككە توقۇش ئۈچۈن كىگىز ۋە پالاسنى قەۋەتلەپ، شىرىپ تىكىلگەن توقۇم.

مۆلچەر

  • مۆلچەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم ئەھۋال ۋە ئىشلارنىڭ خاراكتېرى، سانى، ئۆزگىرىشى قاتارلىقلاردىكى تەخمىنىي يەكۈن، پەرەز، قىياس:[مىسال:] ئالدىن قىلىنغان مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، تۇردى ھۈسەينوپ، قادىر ئېلىلار بۈگۈن ئاقسۇغا قايتىپ كېلىشى كېرەك ئىدى.

مۆلچەر سان

  • مۆلچەر سان[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ تەخمىن سانىنى بىلدۈرىدىغان سانلار. مەسىلەن، ئەللىكچە، يۈزدەك.

مۆلچەرلەتمەك

  • مۆلچەرلەتمەك[يەشمىسى:] «مۆلچەرلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۆلچەرلەشمەك

  • مۆلچەرلەشمەك[يەشمىسى:] «مۆلچەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار يەنە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئالدىنئالا مۆلچەرلەشكەنىدى.

مۆلچەرلەنمەك

  • مۆلچەرلەنمەك[يەشمىسى:] «مۆلچەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۇلۇبنىڭ ئويۇن-تاماشا كۆرۈشكە مۆلچەرلىنىپ سېلىنغان ئاساسىي زالى خېلى چوڭ ئىدى.

مۆلچەرلىمەك

  • مۆلچەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئالدىنئالا قىياس قىلماق؛ تەخمىنەنراق ھېسابلىماق، تەسەۋۋۇر قىلماق، ئويلىماق:[مىسال:] خاتا مۆلچەرلىمەك. تولۇق مۆلچەرلىمەك. ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نىشانلىماق، قارىغا ئالماق:[مىسال:] ئۇ ئوقتىن بىرنى ئېلىپ، تۇتىنىڭ دەل كۆكرىكىنى مۆلچەرلەپ ئاتقانىدى، ئوق تەگمىدى.

مۆلدۈر

  • مۆلدۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاۋا بوشلۇقىدىن ياغىدىغان ئۇششاق مۇز پارچىلىرى. كۆپىنچە ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ۋە ياز مەۋسۇملىرىدىكى چۈشتىن كېيىنكى مەزگىللەردە ياغىدۇ. ئۇ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، يەنە ئادەم، چارۋا ھەم بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ.

مۆلدۈرⅡ

  • مۆلدۈرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① كۆزلىرىنى مۆل-مۆل قىلىپ جىممىدە تەلمۈرۈپ قاراش ھالىتى.[يەشمىسى:] ② ياشنىڭ كۆزىدىن ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چۈشۈش ھالىتى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزىدىن مۆلدۈر-مۆلدۈر ياش ئاقتى.

مۆلدۈرلەتمەك

  • مۆلدۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «مۆلدۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نېمە كۆزلىرىڭنى مۆلدۈرلىتىپ قاراپ تۇرىسەن؟

مۆلدۈرلەشمەك

  • مۆلدۈرلەشمەك[يەشمىسى:] «مۆلدۈرلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۆلدۈرلىمەك

  • مۆلدۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۆلدۈر-مۆلدۈر قىلماق؛ كۆز ۋە كىرپىك چىمىلداپ تۇرماق:[مىسال:] ئۇنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان يوغان-يوغان كۆزلىرىدىن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك دەرىجىدە مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.

مۆلدۈر-مۆلدۈر

  • مۆلدۈر-مۆلدۈر[يەشمىسى:] «مۆلدۈرⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزىدىن مۆلدۈر-مۆلدۈر ياش تامچىلىرى قۇيۇلدى.

مۆللىدە

  • مۆللىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مۆل» قىلىپ، «مۆل» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇزاقتىن قولى پۇل كۆرمىگەن ئادىل پۇلنى چىڭ سىقىملاپ تۇرۇپ كۆزىگە مۆللىدە ياش ئالدى.

مۆل-مۆل

  • مۆل-مۆل[يەشمىسى:] «مۆل» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بالا كۆزىنى مۆل-مۆل قىلىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ.

مۆلۈلدەتمەك

  • مۆلۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «مۆلۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۆلۈلدەشمەك

  • مۆلۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «مۆلۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۆلۈلدىمەك

  • مۆلۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزىنى «مۆل-مۆل» قىلماق، «چىم-چىم» قىلماق:[مىسال:] قەرىخان ئۇلارغا مۆلۈلدەپ قاراپ پەس ئاۋاز بىلەن سۆزلىدى.

مۆمىن

  • مۆمىن[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خۇدانىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئىمان ئېيتقان كىشى، مۇسۇلمان:[مىسال:] ئى خۇدايا، مۆمىنلىرىڭنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل ئەت دەپ شىۋىرلىدى ئۇ ساقىلىنىڭ ئۇچىنى چىشلەپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشەنچلىك؛ ياۋاش، ئىتائەتمەن:[مىسال:] قولۇڭدىن كېلىشىچە تەييارلىق كۆرۈپ، قىزىڭنى ياخشى تەربىيىلەنگەن، ئوبدان مۆمىن بىر كىشىگە نىكاھلاپ بەر، دېدى ئانا.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مۆمىنلەرچە

  • مۆمىنلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىتائەتمەنلىك، ياۋاشلىق بىلەن:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مۆمىنلەرچە قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.

مۆمىنلىك

  • مۆمىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۆمىنلەرگە خاس، قىلىق، مىجەز، ئادەت، خاراكتېر:[مىسال:] ئۇ ئەپچىللىكى، ئوڭلۇقلۇقى، ئىشچانلىقى ھەم مۆمىنلىكى بىلەن كېلىنگە ياراپ قالغانىدى.

مۆھتەرەم

  • مۆھتەرەم[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت، ئېھتىرامىغا سازاۋەر بولغان، ھۆرمەتلىك:[مىسال:] مۆھتەرەم ئەپەندى. مۆھتەرەم جاناب.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مۆھلەت

  • مۆھلەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن كېرەك بولغان، بەلگىلەنگەن مۇددەت، ۋاقىت:[مىسال:] مۆھلەت بەرمەك. مۆھلەت ئالماق. مۆھلەت سورىماق.

مۆھلەتسىز

  • مۆھلەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۆھلەت بەلگىلەنمىگەن، ۋاقىت تەيىنلەنمىگەن:[مىسال:] مۆھلەتسىز ئىش.

مۆھلەتلىك

  • مۆھلەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۆھلىتى بار، مۆھلەت بەلگىلەنگەن:[مىسال:] مۆھلەتلىك ئىش.

مۆھۈر

  • مۆھۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تامغا:[مىسال:] مۆھۈر باسماق. * ياشلىقىڭدا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك (ماقال).

مۆھۈردار (مۆھۈردارى)

  • مۆھۈردار (مۆھۈردارى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پادىشاھ سارايلىرىدا مۆھۈر تۇتقۇچى ئەمەلدار:[مىسال:] ئەرزگە بارلىق مۆھۈردارلار، ئاقساقال، يۈز بېشىلار مۆھۈر باسسۇن، دەپتۇ پادىشاھ.

مۆھۈردارلىق

  • مۆھۈردارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۆھۈر تۇتۇش، مۆھۈر بېسىش خىزمىتى، ئەمىلى:[مىسال:] مېھرىبانۇ ئۇنى ئۆزىگە كۈيئوغۇل قىلىپ ئالغان ۋە ئوردىنىڭ مۆھۈردارلىقىنى بەرگەن.

مۆھۈرلەتمەك

  • مۆھۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «مۆھۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ يەر خېتىنى مۆھۈرلىتىپ بولغاندىن كېيىن ساندۇقنىڭ چوڭقۇر يېرىگە سېلىپ ئاندىن خاتىرجەم بولدى.

مۆھۈرلەشمەك

  • مۆھۈرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەت ئارقىلىق توختاملاشماق؛ ۋەدىلەشمەك:[مىسال:] توي قىلماي تۇرۇپمۇ قىزنى ئېلىپ كېتەلەيمەن قانداق ئىشىنەمسەن مۆھۈرلىشەيلىمۇ

مۆھۈرلەنمەك

  • مۆھۈرلەنمەك[يەشمىسى:] «مۆھۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۆھۈرلۈك

  • مۆھۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۆھۈر بېسىلغان، مۆھۈرلەنگەن:[مىسال:] مۆھۈرلۈك خەت.

مۆھۈرلىمەك

  • مۆھۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۆھۈر باسماق، مۆھۈر ئۇرماق:[مىسال:] سودىگەر خۇشال بولۇپ، ھېلىقى توختام بويىچە بارلىق مال-مۈلكىنى مۆھۈرلەپ بالىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ.

مۈجمەل

  • مۈجمەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چۈشىنىپ بولمايدىغان، ئوچۇق، ئېنىق ئەمەس، نائېنىق:[مىسال:] مۈجمەل گەپ. مۈجمەل ئىش.

مۈجمەلسىز

  • مۈجمەلسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۈجمەللەشتۈرمەي، ئېنىق:[مىسال:] ئاپتور ھېچقانداق مۈجمەلسىزلا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۈجمەللەشتۈرمەك

  • مۈجمەللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۈجمەللەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] «بۇ قانۇننىڭ سىنىپىيلىقىنى مۈجمەللەشتۈرگەنلىك بولىدۇ» دەپ تەكىتلەيدۇ ئۇ.

مۈجمەللەشتۈرۈلمەك

  • مۈجمەللەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۇجمەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۈجمەللەشمەك

  • مۈجمەللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېنىقسىز، چۈشىنىكسىز بولماق:[مىسال:] بۇ كۈنى بوۋاي بىلەن موماي خۇشاللىقىدىن قىلغان سۆزلىرىمۇ مۈجمەللىشىپ كېتىپتۇ.

مۈجمەللىك

  • مۈجمەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۈشىنىپ بولماسلىق، نائېنىقلىق:[مىسال:] بۇنىڭدا قىلچە مۈجمەللىك يوق، ئەلۋەتتە مەن ياڭاقلىق يېزىسىدىكى ھەربىر ئۆيلۈك كىشى بىلەن سۆزلەشتىم.

مۈچە

  • مۈچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئەزاسى؛ قول ياكى پۇت:[مىسال:] تۆت مۈچە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملە بۆلىكى، بۆلەك:[مىسال:] جۈملىنىڭ ئەگەشمە مۈچىلىرى. جۈملىنىڭ باش مۈچىلىرى.

مۈچەل

  • مۈچەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەربىر يىل بىر ھايۋاننىڭ يەنى چاشقان، ئۇي، يولۋاس، توشقان، بېلىق، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت، توڭگۇز نامى بىلەن ئاتالغان يىل ھېسابى. ئۇ 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن يەنى نورۇز كۈنىدىن باشلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② كىشىنىڭ شۇ يىل ھېسابى بويىچە تۇغۇلغان يىلى:[مىسال:] ئەپەندىمدىن بىر كىشى سوراپتۇ:[مىسال:] ئەپەندىم، مۈچىلىڭىز نېمە مۈچىلىم بېلىق، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم.

مۈچەلنامە

  • مۈچەلنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەربىر مۈچەل يىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرغان كىتابچە:[مىسال:] قىزنىڭ ئاپىسى كۈيئوغۇلنىڭ مىجەز-خۇلقىنى مۈچەلنامىدىن ئاختۇرۇپ بىلدى.

مۈدۈر

  • مۈدۈر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەكشى ئەمەس، ئېگىز-پەس، ئويمان-چوڭقۇر (نەرسىلەرنىڭ يۈزى ھەققىدە).

مۈدۈر-چوقۇر

  • مۈدۈر-چوقۇر[يەشمىسى:] مۈدۈر ۋە چوقۇر:[مىسال:] مۈدۈر-چوقۇر يېزا يولىدا بىر ئېشەك ھارۋىسى ئاستا كېتىۋاتاتتى.

مۈدۈرمەك

  • مۈدۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇتلاشماق، سەنتۈرۈلمەك:[مىسال:] بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر (ماقال).

مۈدۈر-مۈدۈر

  • مۈدۈر-مۈدۈر[يەشمىسى:] «مۈدۈر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ

  • مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ[يەشمىسى:] سەنتۈرۈلۈپ، دەلدەڭشىپ؛ يىقىلىپ-قوپۇپ:[مىسال:] مەسئۇت ئۇنىڭ پىكرىگە قارشى تۇرالماي، ئۇنىڭ رايى بويىچە قاراڭغۇدا مۈدۈرۈپ-چوقۇرۇپ مېڭىۋەردى.

مۈدۈرۈشمەك

  • مۈدۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «مۈدۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قاراڭغۇ كېچىدە مۈدۈرۈشۈپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ياتىقىغا كېلىۋالدى.

مۈدۈرۈلمەك

  • مۈدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۈدۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىگەندە مەكتەپكە باراي دەپ ئىشىككە چىقىشىمغا مۈدۈرۈلۈپ كەتتىم.

مۈدۈك

  • مۈدۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىچىك، ئىخچام.

مۈرە

  • مۈرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم بىلىكىنىڭ يۇقىرىسىدىكى بويۇنغا تۇتاشقان ئىككى تەكشى جاي، دولا:[مىسال:] مۈرىگە ئالماق. مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلماق. مۈرىسىنى چىقارماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ ئالدى پۇتىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى گۈرجەك سۆڭەك بار قىسمى.[يەشمىسى:] ③ كىيىمنىڭ ياقىغا تۇتاش ئىككى ياندىكى قىسمى:[مىسال:] بۇ كۆڭلەكنىڭ مۈرىسى سەل كەڭ بولۇپ قېلىپتۇ.

مۈرە قاقماق

  • مۈرە قاقماق[يەشمىسى:] «يارايسەن»، «ھەممە ئىشىڭ جايىدا» دېگەن ئىشارىنى بىلدۈرمەك:[مىسال:] باشلىق مۈرەمگە قېقىپ «قالتىس يىگىتتە» دەپ ماختاپ قويدى.

مۈرىسىنى قىسماق

  • مۈرىسىنى قىسماق[يەشمىسى:] «ئۇقمايمەن»، «تاڭ» دېگەن ئىشارىسىنى بىلدۈرمەك:[مىسال:] نېمە بېلەت ئۇ ھېچ نەرسىنى بىلمىگەن قىياپەتتە قوللىرىنى يېيىپ، مۈرىسىنى قىستى.

مۈرىنى شوتا قىلماق

  • مۈرىنى شوتا قىلماق[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئۆرلىشى، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، شۆھرەت قازىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرمەك، ئۆزىنى ئاتىماق:[مىسال:] قانداقتۇر بىر چەت ئەللىك سودىگەرگە سەرخىل ئاتلىرىڭنى بەر، مۈرەڭنى شوتا قىل، ئۇ دۇنياۋى بەيگىگە قاتناشتۇرسۇن، دېسە، بۇ گەپ بولامدۇ.

مۈرىنى مۈرىگە تىرىمەك

  • مۈرىنى مۈرىگە تىرىمەك[يەشمىسى:] بىر نىيەتتە، بىر مەقسەتتە ھەمكارلاشماق:[مىسال:] جۈمە ئۇنى «بىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان سەپداش، كۈرەش سېپىدە قەد كۆتۈرگەن ئەزىمەت» دەپ ئاشكارا ماختايدىكەن.

مۈرىدەشمەك

  • مۈرىدەشمەك[يەشمىسى:] «مۈرىدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز بىركۈنى يېرىم كېچىدە رەيھانەم بىلەن ئادىلنىڭ مۈرىدىشىپ ساياھەت قىلىپ يۈرگىنىنى كۆرگەن، دېدى نۇرئەلاخان.

مۈرىدىمەك

  • مۈرىدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۈرە بىلەن ئىتتىرمەك:[مىسال:] يىگىتلەر خوتقا سېلىپ قويغان تراكتورنى خۇددى تاغنى ئىتتەرگەندەك زورۇقۇپ مۈرىدەيتتى.[يەشمىسى:] ② مۈرىنى مۈرىگە تەگكۈزمەك:[مىسال:] قىز بىلەن يىگىت بىر-بىرىنى مۈرىدەپ كېتىپ باراتتى.

مۈسۈن

  • مۈسۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زىرائەتنىڭ ياش غولى.

مۈشكۈل

  • مۈشكۈل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەل قىلىنىشى قىيىن، ئېغىر، مۇرەككەپ، تەس:[مىسال:] مۈشكۈل ئىش. مۈشكۈل ۋەزىپە.

مۈشكۈلات

  • مۈشكۈلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىيىنچىلىقلار، مۈشكۈللۈكلەر.

مۈشكۈلچىلىك

  • مۈشكۈلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مۈشكۈللۈك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئەجەب مۈشكۈلچىلىككە قالدى كىشى، دەيتتى ئۇ پات-پات ئۆز-ئۆزىگە.

مۈشكۈللەشتۈرمەك

  • مۈشكۈللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مۈشكۈللەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مۈشكۈللەشتۈرۈلمەك

  • مۈشكۈللەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مۈشكۈللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مۈشكۈللەشمەك

  • مۈشكۈللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مۈشكۈل بولماق، قىيىنلاشماق، تەسلەشمەك، ئېغىرلاشماق:[مىسال:] ھازىر ئىشلار تېخىمۇ مۈشكۈللىشىپ كەتتى.

مۈشكۈللۈك

  • مۈشكۈللۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىيىنلىق، ئېغىرلىق، مۇرەككەپلىك، تەسلىك:[مىسال:] ھاشار يولى ئۈچ كۈنلۈك، بىزگە چۈشكەن مۈشكۈللۈك. بايلار بارسا بىر كۈنلۈك، كەمبەغەلگە ئون كۈنلۈك.

مۈشۈك

  • مۈشۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. يۈزى يۇمىلاق، گەۋدىسى ئۇزۇن، قۇلاق قالقىنى قىسقا ھەم كىچىك، كۆزى چوڭ، كۆز قارىچۇقى نۇرنىڭ ئاجىز-كۈچلۈكلۈكىگە قاراپ يوغىنايدۇ ياكى كىچىكلەيدۇ. تۆت ئايىغى سەل قىسقا، ئالىقانلىرىدا گۆش ياتمىسى بار. سەزگۈر، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ، چاشقان تۇتالايدۇ. تۈكلىرى يۇمشاق، قارا، ئاق، سېرىق قوڭۇر ۋە كۈل رەڭلىكلىرىمۇ بار.

مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ

  • مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ[يەشمىسى:] ھېچنېمىگە يارىمايدۇ، ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ:[مىسال:] سېنىڭ 100 كوي دېگىنىڭگە بۈگۈن مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.

مۈشۈك پىياز يېگەندەك

  • مۈشۈك پىياز يېگەندەك[يەشمىسى:] ئادەتتە قىلمايدىغان ئىش-ھەرىكەتنى قىلىپ قويغانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە:[مىسال:] ھوي، بۈگۈن مۈشۈك پىياز يېگەندەك، ئېلى تاماكا چېكىۋاتىدۇ.

مۈشۈكئېيىق

  • مۈشۈكئېيىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مۈشۈك+ئېيىق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 130 160 سانتېمېتىر، تەن شەكلى ئېيىققا ئوخشايدۇ. قۇيرۇقى قىسقا، بېشى، كۆكرىكى، قورسىقى، دۈمبىسى ۋە ساغرىسى ئاق؛ تۆت ئايىغى، ئىككى قۇلىقى ھەم كۆز چەمبىرىكى قارا قوڭۇر؛ تۈكلىرى توم ھەم قېلىن، سوغۇققا چىداملىق، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىكى ئېگىز تاغلىقلاردا بامبۇك شاخلىرىنى يەپ ياشايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلىق ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ.

مۈكچەيتمەك

  • مۈكچەيتمەك[يەشمىسى:] «مۈكچەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سەلەي دەرھال قەددىنى تېخىمۇ مۈكچەيتىپ، چىرايىغا بىچارىلىك، كۆزلىرىگە ئامالسىزلىق، يېلىنىش ئىپادىلىرىنى بەردى.

مۈكچەيمەك

  • مۈكچەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەدەن ئالدىغا ئېگىلىپ تۈگۈلمەك:[مىسال:] ئۇ يەلكىسىنى ئېغىر بىر تاش بېسىۋالغان كىشىدەك مۈكچىيىپ كېتىپ باراتتى.

مۈكچىيىشمەك

  • مۈكچىيىشمەك[يەشمىسى:] «مۈكچەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۈكۈرۈ

  • مۈكۈرۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاۋاق، جىۋەك، ۋىجىك.

مۈكۈل-تېقىل

  • مۈكۈل-تېقىل [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① رەتسىز، تەرتىپسىز.[يەشمىسى:] ② قاتىلاڭلىق، ئالدىراشلىق.

مۈگدەتمەك

  • مۈگدەتمەك[يەشمىسى:] «مۈگدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نۇتۇق سۆزلىگەندە، روھى ھالەتنىڭ كۆتۈرەڭگۈ بولۇشى ناھايىتىمۇ مۇھىم. چۈشكۈن روھىي ھالەت ئاڭلىغۇچىلارنى مۈگدىتىپ قويىدۇ.

مۈگدەشمەك

  • مۈگدەشمەك[يەشمىسى:] «مۈگدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مۈگدەك

  • مۈگدەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئويغاق بىلەن ئۇيقۇنىڭ ئارىلىقىدىكى ھالەت:[مىسال:] كۆپ مىقداردىكى كۆچۈرۈپ يېزىش تاپشۇرۇقىنى ئىشلىگەندە بالىلارنىڭ قوللىرى تېلىپلا قالماستىن، بەزى بالىلارنى مۈگدەك باسىدۇ.

مۈگدىمەك

  • مۈگدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇخلاشقا باشلىماق، ئۇيقۇ باسماق:[مىسال:] مەن تېخى، سىزنى مۈگدەپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن.

مۈڭگۈز

  • مۈڭگۈز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كالا، قوي، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بېشى ئۈستىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان قاتتىق ماددا. ئادەتتە ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ئۇچ تەرىپى ئۇچلۇقراق كېلىدۇ:[مىسال:] كالا مۈڭگۈزى. * ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتەر (ماقال). * ئىت دېسەڭ قۇيرۇقى يوق، ئۆچكە دېسەڭ مۈڭگۈزى يوق (ماقال).

مۈڭگۈز پەردە

  • مۈڭگۈز پەردە[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] كۆز قارىچۇقىنىڭ يۈزىدىكى بىر قەۋەت نېپىز، سۈزۈك پەردە، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن ھەمدە سىرتقا قاراپ سەل كۆپۈنكىلەشكەن. نۇرغۇنلىغان نېرۋا تالالىرى تارقالغان. ئۇنىڭ سەزگۈرلۈكى كۆز ئېقى بىلەن تۇتاشقان.

مۈڭگۈز چىقتىمۇ

  • مۈڭگۈز چىقتىمۇ[يەشمىسى:] «نېمە ياخشىلىق كۆردۈڭ»، «قانداق نەتىجىگە ئېرىشتىڭ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە:[مىسال:] قابىل يىگىتلەرنى ئۆلتۈرگۈزدىڭىز، سىزگە مۈڭگۈز چىقتىمۇ دېدى مەلىكە پادىشاھقا.

مۈڭگۈز چىقماق

  • مۈڭگۈز چىقماق[يەشمىسى:] بۇرۇن قىلمىغان ئىشلارنى قىلماق، ھەددىدىن ئاشماق:[مىسال:] ھېلىقى مالىمانچىلىق يىللاردا ھەر ياۋاشلارغا مۈڭگۈز چىقىپ ئۈسكەك بولۇپ كەتكەن، مانا ئەمدى ئۇلارنىمۇ كۆردۇق.

مۈڭگۈزى ئاشكارا بولماق

  • مۈڭگۈزى ئاشكارا بولماق[يەشمىسى:] مەلۇم بولمىغان مىجەز-خۇلقى يېڭى قىلىقلىرى، بىلىنمەك:[مىسال:] ئۇ قايتىپ كېلىپ ئاينىسا بىلەن سۆزلەشتى. مانا شۇ چاغدىلا ئاينىسانىڭ مۈڭگۈزى ئاشكارا بولدى.

مۈڭگۈزى ئىچىدە

  • مۈڭگۈزى ئىچىدە[يەشمىسى:] ياۋاش ئەمەس، شوخ، چاتاقچى:[مىسال:] ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە (ماقال).

مۈڭگۈزسىز

  • مۈڭگۈزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۈڭگۈزى يوق، مۈڭگۈز چىقمىغان:[مىسال:] مۈڭگۈزسىز ھايۋانلار.

مۈڭگۈزسىمان

  • مۈڭگۈزسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۈڭگۈزگە ئوخشايدىغان، مۈڭگۈز شەكلىدىكى:[مىسال:] مۈڭگۈزسىمان مېۋە.

مۈڭگۈزلەشمەك

  • مۈڭگۈزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۈڭگۈز ھالىتىگە كەلمەك، مۈڭگۈزگە ئايلانماق.[يەشمىسى:] ② تىكەنلەشمەك، يىرىكلەشمەك:[مىسال:] بۇ كېسەللىك باشلانغان دەسلەپكى باسقۇچتا تېرە مۈڭگۈزلىشىپ، تېرە سىزىقچىلىرى روشەن كۆرۈنىدۇ.

مۈڭگۈزلۈك

  • مۈڭگۈزلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۈڭگۈزى بار، مۈڭگۈزى بولغان:[مىسال:] ئۇلار بىرنەچچە كۈن يول مېڭىپ، مۈڭگۈزلۈك شاھزادىنىڭ يۇرتىغا يېقىنلىشىپتۇ.

مۈلكىي

  • مۈلكىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتكە تەئەللۇق بولغان؛ مەمۇرىي:[مىسال:] مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاقسۇغا يېتىپ كېلىشى بىلەن شەھەر دەرۋازىلىرى چىڭ تاقىلىپ، گومىنداڭنىڭ ھەربىي-ساقچى، مۈلكىي ئەمەلدارلىرى سېپىل ئېچىگە قامىلىپ قالدى.

مۈلۈك (مۈلكى)

  • مۈلۈك (مۈلكى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان مال-دۇنيا، يەر-سۇ، ئۆي-ئىمارەت قاتارلىق بايلىقلىرى:[مىسال:] ياخشى مۈلۈك ھېكىمنىڭ، بۇزۇلغاندا ھېچكىمنىڭ (ماقال).

مۈلۈكچىلىك

  • مۈلۈكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۈلۈككە بولغان ئىگىدارچىلىق:[مىسال:] مۈلۈكچىلىك ھوقۇقى. مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك.

مۈلۈكدار

  • مۈلۈكدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مۈلۈك ئىگىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بىرى، مۈلۈكدارلارنىڭ ۋەكىلى، يەنە كېلىپ خەزىنىچى تېكىن ئاغىچى ئىدى.

مۈلۈكسىز

  • مۈلۈكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۈلكى يوق، مۈلۈككە ئىگە بولمىغان:[مىسال:] شەھەر ئاھالىسى سىنىپى ئەڭ دەسلەپتىن باشلاپ مۈلۈكسىز، ھەممە ئېتىراپ قىلغان بىرەر تەبىقىگە مەنسۇپ بولمىغان شەھەر پېقىرلىرى ئىدى.

مۈلۈكلۈك

  • مۈلۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۈلكى بار، مۈلۈككە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئوغرى كۆپ يەرلەرنى كېزىپ مۈلۈكلۈكرەك ئۆيلەردىن بىرەرسىنىمۇ تاپالماپتۇ.

مۈنۈچ

  • مۈنۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋىيەي، پاھ (ئاياللار قوللىنىدۇ).

مۈنۈرىمەك

  • مۈنۈرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سوغۇق ھاۋا ياكى سۇنىڭ تەسىرىدە پۇت-قوللارنىڭ ئاغرىش ھالىتى.

مۈنۈكۈم

  • مۈنۈكۈم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياۋاش؛ بىچارە.

مېتابولىزم

  • مېتابولىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ تاشقى دۇنيادىن ئۆزىگە كېرەكلىك ماددىلارنى ئۆزلۈكسىز قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى ئۆز تېنىنىڭ ماددىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، تېنىدە ھاسىل بولغان كېرەكسىز ماددىلارنى تەن سىرتىغا چىقىرىش جەريانى.

مېتازوئا

  • مېتازوئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاددىي ھايۋانلاردىن باشقا بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشى. تېنى كۆپ ھۈجەيرىلەردىن قۇرۇلغاچقا «كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مېتاساكوۋىيە

  • مېتاساكوۋىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «مېتاساكوۋىيە دەرىخى»گە قاراڭ.

مېتاساكوۋىيە دەرىخى

  • مېتاساكوۋىيە دەرىخى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شەمشاد ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چوڭ دەرەخ. ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جەنۇبىي ئۆلكىلەردە ئۆسىدۇ.

مېتافورا

  • مېتافورا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئوخشىتىش يولى بىلەن كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆز ياكى ئىبارە؛ ئىستىئارە، مەجاز.

مېتافىزىك

  • مېتافىزىك[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەسىلىلەرگە مېتافىزىكا نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قارايدىغان، مېتافىزىكا قائىدىلىرىگە قاتتىق ئېتىقاد قىلغۇچى ۋە ئەمەل قىلغۇچى كىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېتافىزىكا قائىدىلىرىگە ئاساسلانغان، مېتافىزىكا پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان.

مېتافىزىكا

  • مېتافىزىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] دىئالېكتىكىغا قارىمۇقارشى بولغان دۇنيا قاراش ياكى مېتودولوگىيە. ئۇ دۇنيادىكى ھەممە شەيئى بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ھالدا يەككە-يېگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ؛ ئۆزگىرىدۇ دېگەندىمۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىش پەقەت مىقدارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئازىيىشىدىن، ئورۇننىڭ يۆتكىلىشىدىن ئىبارەت بولىدۇ، ئۇنىڭغا تاشقى كۈچنىڭ تۈرتكىسىلا سەۋەب بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

مېتافىزىكىلىق

  • مېتافىزىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېتافىزىكا قائىدىلىرىگە ئاساسلانغان، مېتافىزىكا پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان:[مىسال:] ئۇلار قانۇنغا دائىر مەسىلىلەرنى مېتافىزىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىدۇ ۋە تەرىپلەيدۇ.

مېتال

  • مېتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] پارقىراق، سوزۇلۇشچان، ئېلېكتر ۋە ئىسسىقلىقنى ياخشى ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە ماددىلار.

مېتالچىلىق

  • مېتالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مېتاللۇرگىيە»گە قاراڭ.

مېتالسىز

  • مېتالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېتالدىن خالىي، مېتال يوق ياكى مېتال مىقدارى ئاز:[مىسال:] مېتالسىز كان ياتمىسى.

مېتالشۇناس

  • مېتالشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس مېتاللارنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىم، مۇتەخەسسىس.

مېتالشۇناسلىق

  • مېتالشۇناسلىق[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] مېتاللارنىڭ تۈزۈلۈشى، خۇسۇسىيەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئىشى ۋە ئىلمى.

مېتاللوئىد

  • مېتاللوئىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېتال ئەمەس، مېتالغا يات:[مىسال:] مېتاللوئىد ئېلېمېنت. مېتاللوئىد مىنېرال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېتال بولمىغان ئېلېمېنتلار، مەسىلەن، ئازوت، فوسفور، يود قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

مېتاللۇرگىيە

  • مېتاللۇرگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① ئېغىر سانائەتنىڭ رۇدىدىن مېتال ئالىدىغان ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بىر تارمىقى، مېتالچىلىق:[مىسال:] مېتاللۇرگىيە سانائىتى. مېتاللۇرگىيە مۇتەخەسسىسى.[يەشمىسى:] ② سانائەت يولى بىلەن مېتال ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى پەن.

مېتاللىق

  • مېتاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېتالدا بولىدىغان، مېتالغا خاس:[مىسال:] مېتاللىق خۇسۇسىيەت.

مېتامورفىزم

  • مېتامورفىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر پوستىدىكى ئاۋۋال پەيدا بولغان تاغ جىنسلىرىدىكى يېڭى فىزىكىلىق، خىمىيىلىك شارائىتتا، مىنېرالنىڭ تەركىبى، قۇرۇلما ۋە تۈزۈلمىلىرىدە پەيدا بولىدىغان بىر قاتار ئۆزگىرىش تەسىرى ۋە جەريانى.

مېتامورفىلىق

  • مېتامورفىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېتامورفىزم نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن ياكى كېلىدىغان:[مىسال:] مېتامورفىلىق بەلۋاغ. مېتامورفىلىق تۈس. مېتامورفىلىق جىنس.

مېتان

  • مېتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئەڭ ئاددىي ئورگانىك بىرىكمە. رەڭسىز، پۇراقسىز، يېنىشچان گاز. پاتقاق رايونلاردا، نېفىت قۇدۇقلىرىدا، كۆمۈر كان قاتارلىق جايلاردا ساقلىنىدۇ. تەبىئىي گازلارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىلغۇ ۋە خىمىيە سانائىتىنىڭ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

مېترو

  • مېترو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] يەر ئاستىدا قۇرۇلغان شەھەرنىڭ ئېلېكتر تۆمۈر يولى:[مىسال:] بېيجىڭ مېتروسى. مېترو قۇرماق.

مېتروپولىيە

  • مېتروپولىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] باشقا دۆلەتلەرنى بېسىۋېلىپ، ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان تاجاۋۇزچى دۆلەت.

مېترونوم

  • مېترونوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] كۆرسىتىلگەن توغرا بەلگىلەر بويىچە ئاھاڭنىڭ بېجىرىلىش تېمپىسى (سۈرئىتى)نى بەلگىلەپ چىقىدىغان بىر خىل ئەسۋاب.

مېتود

  • مېتود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① جەمئىيەت ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى بىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئۇسۇلى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنى بېجىرىش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇلى ياكى شۇنداق ئۇسۇللار سىستېمىسى:[مىسال:] سادىق دەرس مېتودىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىدى.

مېتودلۇق

  • مېتودلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىك مېتودى بار:[مىسال:] ئۇ شۇ تۇرقىدا ئۆزىنى توختاتقان، بىلىمى چوڭقۇر، مېتودلۇق ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايتتى.

مېتودولوگىيە

  • مېتودولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتىكى تۈپ ئۇسۇل.

مېتودىكا

  • مېتودىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى تەلىمات، ئىلىم.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بېجىرىش ياكى ئورۇنلاش ئۇسۇللىرى، مېتودلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى، جەمئىيسى.

مېتونومىيە

  • مېتونومىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىرنەرسىنى ئۆز نامىدىن باشقا نام بىلەن ئېيتىش.

مېتېئور

  • مېتېئور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئاقار يۇلتۇز.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاۋا رايى، ھاۋا رايى ھادىسىلىرى.

مېتېئورولوگ

  • مېتېئورولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مېتېئورولوگىيە ئالىمى، مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسى.

مېتېئورولوگىيە

  • مېتېئورولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① يەر ئاتمۇسفېراسى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى، خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدا بولىدىغان فىزىكىلىق جەريانلار ھەققىدىكى پەن.[يەشمىسى:] ② ھاۋا رايى ۋە ئۇنى ئالدىن بىلىش مېتودلىرى ھەققىدىكى پەن.

مېتېئورولوگىيىلىك

  • مېتېئورولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېتېئورولوگىيىگە ئائىت، مېتېئورولوگىيىگە خاس ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك:[مىسال:] مېتېئورولوگىيىلىك كۈزىتىش.

مېتېئورىت

  • مېتېئورىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] چوڭ ئاقار يۇلتۇزلارنىڭ يەر شارى ھاۋا قاتلىمىدىن ئۆتكەندە كۆيۈپ بولماي يەر يۈزىگە چۈشكەن قىسمى.

مېتىر

  • مېتىر[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] 100 سانتىمېتىر ياكى ئۈچ چىغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سانتىمېتىرلارغا بۆلۈنگەن شۇ ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى:[مىسال:] مېتىر سالماق. مېتىر بىلەن ئۆلچىمەك.

مېتىر سىستېمىسى

  • مېتىر سىستېمىسى[يەشمىسى:] بىر خىل ئۆلچەم سىستېمىسى. فرانسىيىدە بارلىققا كەلگەن. 1875-يىلى 17 دۆلەت ۋەكىللىرى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، ئۇنى خەلقئارادا بىر تۇتاش قوللىنىلىدىغان ئۆلچەم سىستېمىسى قىلىپ بېكىتكەن، بۇنىڭدا، ئۇزۇنلۇقنىڭ بىرلىكى مېتىر، بەلگىسى m قىلىپ ئېلىنغان.

مېتىرلاتماق

  • مېتىرلاتماق[يەشمىسى:] «مېتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مېتىرلاشماق

  • مېتىرلاشماق[يەشمىسى:] «مېتىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مېتىرلانماق

  • مېتىرلانماق[يەشمىسى:] «مېتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مېتىرلىق

  • مېتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېتىرغا تەڭ كېلىدىغان، مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى:[مىسال:] 400 مېتىرلىق قانال ئۈچۈن بىز نۇرغۇن بەدەل تۆلىدۇق.

مېتىرلىماق

  • مېتىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېتىر بىلەن ئۆلچىمەك، مېتىر سالماق:[مىسال:] مۇدىر خامنى يەنە بىر مېتىرلاپ كۆرگەندىن كېيىن، ئىچىدە بىرنېمىلەرنى ھېسابلاپ پىچىرلاپ قويدى.

مېتىس

  • مېتىس[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەسلىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تۈرلۈك نەسىلدىكى ھايۋانلارنى ئۆزئارا چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن ھايۋانلار. ئومۇمەن شالغۇت ھايۋانلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شالغۇتلاشتۇرۇلغان، ئەسلى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ھايۋاننىڭ چېتىشتۇرۇلۇشىدىن پەيدا بولغان:[مىسال:] مېتىس قوي.

مېتىسلاشتۇرماق

  • مېتىسلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مېتىسلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مېتىسلاشماق

  • مېتىسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېتىسقا ئايلانماق، يېڭى نەسىلگە ئۆزگەرمەك.

مېتىل

  • مېتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۆپلىگەن ئورگانىك بىرىكمىلەر تەركىبىدە بولىدىغان، بىر ئاتوم كاربون ۋە ئۈچ ئاتوم ھىدروگېندىن ئىبارەت بولغان گۇرۇپپا.

مېتىلېن

  • مېتىلېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۆپلىگەن ئورگانىك بىرىكمىلەر تەركىبىدە بولىدىغان، بىر ئاتوم كاربون ۋە ئىككى ئاتوم ھىدروگېندىن ئىبارەت بولغان گۇرۇپپا.

مېتىن

  • مېتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تاشنى چوقۇش ۋە كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.

مېخانىزم

  • مېخانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك ماشىنىلارنىڭ ئىچكى قىسىملىرى، ئىچكى تۈزۈلۈشى؛ سىستېما:[مىسال:] فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزم. سانائەت مىخانىزمى. دۆلەت مېخانىزمى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] تۈرلۈك ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر:[مىسال:] مېخانىزم زاپچاسلىرى.

مېخانىك

  • مېخانىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مېخانىكا مۇتەخەسسىسى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ماشىنا-ئاپپاراتلارنى ئىشقا سالغۇچى ۋە ئۇنىڭغا قارىغۇچى كىشى، مۇتەخەسسىس:[مىسال:] ئۇ سېخنىڭ مېخانىكى شەمشىدىنگە شاگىرت بولدى.

مېخانىكا

  • مېخانىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] فىزىكىنىڭ جىسىملار ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

مېخانىكىلاشماق

  • مېخانىكىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېخانىزمغا ئاساسلانماق؛ مېخانىزم ياردىمى بىلەن ئىشلەيدىغان بولماق:[مىسال:] بۇنداق ئاقىۋەتلەر مېخانىكىلاشقان شەكىلۋازلىق تەسىرىدە كېلىپ چىقتى.

مېخانىكىلىق

  • مېخانىكىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېخانىزمغا ئاساسلانغان، مېخانىزمغا مۇناسىۋەتلىك، ئائىت:[مىسال:] مېخانىكىلىق ھەرىكەت. مېخانىكىلىق ئۈنۈم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆلۈك ھالدا، ئەينەن پېتى، چۈشەنمەسلىك بىلەن، قارىغۇلارچە:[مىسال:] مېخانىكىلىق خاتىرىلەش. مېخانىكىلىق ئەستە قالدۇرۇش.

مېدال

  • مېدال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بىرەر ساھەدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن، مېتالدىن مەخسۇس ئىشلەنگەن بىر خىل بۇيۇم:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆكرىكىدىكى باتۇرلۇق مېداللىرى پارقىراپ، كىشىنىڭ كۆزىنى چاقاتتى.

مېداللىق

  • مېداللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مېدال ئاسقان، مېدال تاقىغان؛ مېدالى بار، مېدالغا ئىگە بولغان.[يەشمىسى:] ② مېدال ياساشقا بولىدىغان ياكى يېتىدىغان.

مېدالىئون

  • مېدالىئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە رەسىم ياكى باشقا نەرسىلەر سېلىنغان، يۇمىلاق ياكى قىرلىق شەكىلدە قاپچۇققا ئوخشاش ياسالغان، بويۇنغا ئېسىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى:[مىسال:] مېدالىئوننىڭ ئىچىدە يۆگەلگەن ئىنچىكە چاچ بار ئىكەن.

مېدۇزا

  • مېدۇزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كاۋاك ئىچلىك ھايۋان. تەن شەكلى كۈنلۈككە ئوخشايدۇ. ئېغىزى قالپىقىنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىدا ئاشقازان بوشلۇقىغا تۇتىشىدىغان تۆت دانە ئېغىز بارماقچىسى بولىدۇ. قالپىقىنىڭ ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇنلىغان سەزگۈ پۆپۈكلىرى بولىدۇ. سەزگۈ پۆپۈكلىرىنىڭ ئۈستىدە يىپسىمان تىكەنلىرى بولۇپ، دۈشمىنىگە ھۇجۇم قىلىش، ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋە ئۆزىنى قوغداش قورالى ھېسابلىنىدۇ. مېدۇزىنىڭ يەنە قالپاقلىق مېدۇزا، كۈنلۈكسىمان مېدۇزا دېگەندەك كۆپ خىل تۈرلىرى بولىدۇ.

مېدىئانا

  • مېدىئانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئۈچ بۇلۇڭنىڭ بىر چوققىسى بىلەن ئۇنىڭ قارشىسىدىكى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىق.

مېدىتسىنا

  • مېدىتسىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] كېسەللىكلەر، ئۇلارنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى پەنلەر يىغىندىسى:[مىسال:] جۇڭگو مېدىتسىناسى. مېدىتسىنا خىزمىتى. مېدىتسىنا ياردىمى. مېدىتسىنا پونكىتى.

مېراج

  • مېراج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام ئەنئەنىسىدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئاسمانغا چىقىپ روھىي ئالەم بىلەن تونۇشۇپ قايتقانلىقى.[يەشمىسى:] ② مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ مېراجغا چىققانلىقىنى ھەر يىلى خاتىرىلەيدىغان ئېيى، رەجەپ ئېيى.

مېركۇروخروم

  • مېركۇروخروم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا، يەنى ئورگانىك بىرىكمە.رەڭگى كۆكۈچ يېشىل ياكى قىزغۇچ قوڭۇر، يالتىراق پوستى بولىدۇ ياكى دانىچە ھالىتىدە كېلىدۇ. سۇدىكى ئېرىتمىسى توق قىزىل ياكى قارامتۇلراق. ئادەتتە تېرە زەخىملىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

مېركۇرىي

  • مېركۇرىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن بىرىنچى پلانېتا. قۇياشنى ئومۇمىي ئايلىنىش دەۋرى 88 كۈن، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى 58 كۈن 15 سائەت. ئۇنىڭ ھەجمى يەر شارى ھەجمىنىڭ %5 گە توغرا كېلىدۇ.

مېرگېل

  • مېرگېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] كاربوناتلىق جىنس بىلەن سېغىز توپىلىق جىنس ئارىلىقىدىكى ئۆتكۈنچى تىپلىق جىنس. ئۇ نېپىز قاتلاملىق ھاك جىنس ياكى سېغىز توپىلىق جىنسلار ئارىسىدا نېپىز قەۋەتلىك ياكى لىنزىسىمان پەيدا بولىدۇ.

مېرىدىئان

  • مېرىدىئان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ قۇتۇپلىرى ئارقىلىق ئېكۋاتورنى تىك ھالەتتە كېسىپ ئۆتكەن پەرەزىي سىزىق.

مېرىنوس

  • مېرىنوس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «مېرىنوس قويى»غا قاراڭ.

مېرىنوس قويى

  • مېرىنوس قويى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قوينىڭ نازۇك ۋە ئاق يۇڭلۇق بىر سورتى. بۇ قوينىڭ ئەسلىي ماكانى ئىسپانىيە بولۇپ، «مېرىنوس» سۆزى ئىسپانچىدە «بۇجۇغۇر يۇڭ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھازىرقى ھەرقايسى ئەللەردىكى ئىنچىكە يۇڭلۇق قويلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ مېرىنوس سىستېمىسىدىكى قويلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

مېزوزوئا

  • مېزوزوئا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار ئىچىدىكى تەن قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاددىي ھەم ئەزالىرى بولمىغان كىچىك ھايۋانلار.

مېزون

  • مېزون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماسسىسى يېنىك بولغان ئاساسىي زەررىچە (مەسىلەن، ئېلېكترون) بىلەن ماسسىسى ئېغىر بولغان ئاساسىي زەررىچە (مەسىلەن، نۇكلون)نىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئاساسىي زەررىچە. ئۇنىڭ بىلەن ئاتوم يادروسىغا زەربە بېرىپ، يادرو رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

مېشچان

  • مېشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەھەر بۇرژۇئازىيىسىگە مەنسۇپ كىچىك سودىگەر، ھۈنەرۋەن ۋە ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر تەبىقىسىدىكى كىشى:[مىسال:] شەھەر مېشچانلىرى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھۇرۇن، جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، راھەت ئىچىدە ئۆزىنى ياساپ يۈرۈشنىلا خالايدىغان، ئاق نانچى:[مىسال:] مېشچان قىز.

مېشچانلاشتۇرماق

  • مېشچانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مېشچانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مېشچانلاشتۇرۇلماق

  • مېشچانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مېشچانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مېشچانلاشماق

  • مېشچانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېشچانلارنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئادەت ۋە قىلىقلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەك، شۇلاردەك ئىش قىلماق.

مىشچانلىق

  • مىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېشچانلارغا خاس قىلىق، ئادەت، خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ئاغمىچىلارنىڭ ھەممىسى مېشچانلىق ئىچىدە سېسىپ قالغان.

مېغىزⅠ

  • مېغىزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆرۈك، ياق، ئاپتاپپەرەسكە ئوخشاش تۈرلۈك مېۋە-چېۋە ئۇرۇقچىلىرىنىڭ شاكال ئىچىدىكى قىسمى:[مىسال:] شاپتۇل مېغىزى. ئۆرۈك مېغىزى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەڭ تۈپ مەزمۇن، ئاساسىي ماھىيەت؛ جەۋھەر، ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىم، يادرو:[مىسال:] ساپ مۇھەببەت — ھايات گۈزەللىكىنىڭ مېغىزى.

مېغىزىنى چاقماق

  • مېغىزىنى چاقماق[يەشمىسى:] پەيزىنى سۈرمەك، ئەڭ ئېسىل، جەۋھەرلىرىدىن بەھرە ئېلىپ ھۇزۇر قىلماق:[مىسال:] ھۆرمەتلىك ھاجىم، ئەمىسە ئۆزلىرى نېمىدەپ شۇ راھەت ئىچىدە مەئىشەتنىڭ مېغىزىنى چاقماي، بۇنداق قالاق يۇرتتا جاپا چېكىپ يۈرىدىلا دېدى سۈپۈرگىئاخون.

مېغىزⅡ

  • مېغىزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرپىنىڭ تۆت تەرىپىگە قول بىلەن تۇتۇلغان رەخت. كۆپىنچە قارا رەختتىن بولىدۇ.

مېغىزلاتماق

  • مېغىزلاتماق[يەشمىسى:] «مېغىزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مېغىزلاشماق

  • مېغىزلاشماق[يەشمىسى:] «مېغىزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مېغىزلانماق

  • مېغىزلانماق[يەشمىسى:] «مېغىزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مېغىزلىق

  • مېغىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى مەنىلىك، مەزمۇنلۇق، ئېسىل (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئەقىللىق ئادەمنىڭ سۆزى ئاز بولۇر، مەنىسى مېغىزلىق، روشەن، ساز بولۇر.

مېغىزلىماق

  • مېغىزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆرپىنىڭ تۆت چۆرىسىگە ئىككى ئىلىك كەڭلىكتە رەخت تۇتماق.

مېكىجىن

  • مېكىجىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چىشى تۇڭگۇز:[مىسال:] ئۇ بۇ ياققا قاچقان مېكىجىن ئىكەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] «سەت، ئاۋاق، جىن، پاسكىنا» دېگەندەك مەنىلەردىكى تىل-ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] نېمىدەپ كاكىراۋاتىسەن ھەي مېكىجىن دەپ ۋارقىرىدى سەيدىنقارى ئۆڭگەن ھالدا.

مېكىيان

  • مېكىيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چىشى توخۇ:[مىسال:] چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن مېكىياننىڭ ئەمچىكى يوق (ماقال).

مېگافون

  • مېگافون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۇنىۋېرسال مىكروفون، قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ (باتارىيە ۋە ۋىكليۇچاتېلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ھەشقىپىچەك شەكىللىك كانايلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئاۋاز كۈچەيتىش سىستېمىسى.

مېگاگېرتس

  • مېگاگېرتس[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنىنىڭ چاستوتا بىرلىكى. ھەر سېكۇنتتىكى 1 مىليون دەۋرلىك چاستوتا 1 مېگاگېرتس دېيىلىدۇ.

مېگائوم

  • مېگائوم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر قارشىلىق بىرلىكى. 016 ئومغا تەڭ.

مېگاۋات

  • مېگاۋات[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] قۇۋۋەت بىرلىكى. بىر مىليون ۋاتقا تەڭ.

مېگاۋولت

  • مېگاۋولت[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بەزى يادرو فىزىكىسى تەجرىبىخانىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئېلېكتر پوتېنسىئالى ياكى ئېلېكتر يۈرگۈزگۈچ كۈچ بىرلىكى. 016 ۋولتقا تەڭ.

مېڭە

  • مېڭە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق سېزىم، ھەرىكەت، تەپەككۇر ۋە ئەستە قالدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى باشقۇرىدىغان ئورگان.[يەشمىسى:] ② شۇ ئورگان جايلاشقان ئورۇن، باشنىڭ قاق ئۈستى؛ باش، كاللا:[مىسال:] مېڭىسىگە ئۇرماق. مېڭىسىنى يانجىماق. مېڭىسىدە چاقماق چاقماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پىكىر، تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى؛ ئەقىل؛ ئاڭ:[مىسال:] مېڭىسىنى قويماق. مېڭىسى بىلەن ئىش قىلماق.[يەشمىسى:] ④ تىككۈچىلىك ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە بوي ئوق كىرگۈزۈلۈپ، چوكا بىلەن چوڭ چوكىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان دۈگىلەك سايمىنى.

مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان

  • مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان[يەشمىسى:] ئەقلى يوق، ئەقىل-ھوشى جايىدا ئەمەس، دۆت:[مىسال:] ۋاي مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان مەخەت تاز، مېنىڭ ئۆيۈمنى ئالغان پۇلغا بىر سوپەك ئېلىپ بەرسەڭ، بالاڭ ئويناپ يۈرۈپ ھەر ئايدا ھېچ بولمىغاندا 100 — 150 كوي تاپماسمىدى.

مېڭىسىنى ئۇماچ قىلىۋەتمەك

  • مېڭىسىنى ئۇماچ قىلىۋەتمەك[يەشمىسى:] پىكرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەك، پىكىر-خىياللىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەك:[مىسال:] بۇ ئىككى ئىنكار سوئال بىر-بىرى بىلەن پەقەت چىقىشالماي، مېڭەمنى ئۇماچ قىلىۋەتتى.

مېڭىسىنى يېمەك

  • مېڭىسىنى يېمەك[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ بېشىنى ھەددىدىن زىيادە ئاغرىتماق:[مىسال:] سېنىڭ بالاڭغۇ تىجارەتكە ئارىلىشىپ پۇل تېپىپ يۈرىدۇ، بىزنىڭ ئابدۇكېرىم مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كېلىپ، «ھۆكۈمەتكە كىرىمەن» دەپ، مېڭەمنى يەپ بولدى.

مېڭىگە قان چۈشۈش

  • مېڭىگە قان چۈشۈش[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مېڭە قان تومۇرلىرىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، قان تومۇر دىۋارىدىن قان چىقىپ كېتىپ مېڭە فۇنكسىيىسىنى بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان بىر خىل كېسەللىك، قان تومۇرلارنىڭ قېتىۋېلىشى، قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قوزغىلىش ئالدىدا باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئۇيۇشۇش، تارتىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قوزغالغاندا بولسا شۇ ھامان ھوشىدىن كېتىدىغان، ئېغىر بولغاندا شۇ پەيتتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ.

مېڭىش-تۇرۇش

  • مېڭىش-تۇرۇش[يەشمىسى:] كۈندىلىك ھەرىكەت، پائالىيەت:[مىسال:] ئۇ خالىدەمنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىغا، كىچىككىنە كۆزلىرىگە، چىرايلىق ئۆرۈلگەن چاچلىرىغا سەپ سالدى.

مېڭىشلىق

  • مېڭىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېڭىشى بار، مېڭىشى ياخشى، قاشاڭ ئەمەس (ئات-ئېشەك قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] مېڭىشلىق ئات. مېڭىشلىق ئۇلاغ.

مېڭىشماق

  • مېڭىشماق[يەشمىسى:] «ماڭماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار تاماق يەپ بولۇپلا پوپكىلىرىنى ئېسىشىپ مەكتەپكە مېڭىشتى.

مېڭىلماق

  • مېڭىلماق[يەشمىسى:] «ماڭماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار جازا مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلدى.

مېل

  • مېل[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋاز ئېگىزلىكىنىڭ بىرلىكى. چاستوتىسى 0001Hz، ئاۋاز بېسىمى دەرىجىسى 04dB بولغان ساپ ئاۋازنىڭ ئاۋاز ئېگىزلىكى 1000 مېل بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

مېلودىيە

  • مېلودىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بەلگىلىك ئاۋاز ئېگىزلىكى، ۋاقىت سەرپىياتى ۋە ئاۋاز مىقدارىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بېجىرىلگەن يەككە تاۋۇشلۇق ئاھاڭ.

مېلودىيىسىز

  • مېلودىيىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېلودىيىسى يوق، مېلودىيىسى بولمىغان:[مىسال:] مېلودىيىسىز مۇزىكىلىق ئوبراز يارىتىش مۇمكىن ئەمەس.

مېلودىيىلىك

  • مېلودىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېلودىيە بار، مېلودىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن:[مىسال:] مېلودىيىلىك ئېنتېرۋال.

مېلىس

  • مېلىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەشرەپنىڭ بىر خىلى.

مېمار

  • مېمار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىناكار، قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى:[مىسال:] مېمارلارنىڭ سۇلتان پەرمانىنى رەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

مېمارچىلىق

  • مېمارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك ئۆي-ئىمارەت، قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى لايىھىلەش، قۇرۇش، بېزەش ماھارىتى، سەنئىتى، شۇنداق كەسىپ.

مېمارلىق

  • مېمارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېمارچىلىق.

مېموراندۇم

  • مېموراندۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۆز دۆلىتىنىڭ مەلۇم مەسىلە ئۈستىدىكى مەيدانى بايان قىلىنىدىغان ياكى مەلۇم ئىشلار ھەققىدىكى ئەھۋاللار قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇلىدىغان بىر خىل دىپلوماتىك ھۆججەت.

مېمورىئال

  • مېمورىئال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر شەخس ياكى ۋەقەنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئىشلەنگەن، ئۇنى كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇشىنى مەقسەت قىلىپ تەييارلانغان:[مىسال:] مېمورىئال قۇرۇلۇش.[يەشمىسى:] ② دائىم ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان، ئايلىنىپ تۇرىدىغان، ئوبوروت:[مىسال:] مېمورىئال چەك.

مېمورىئال چەك

  • مېمورىئال چەك[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] بانكىغا ئۆزىنىڭ ئامانەت پۇل ھېسابىدىن پۇل ئاغدۇرۇپ بېرىشنى خەۋەر قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان چەك. مەملىكىتىمىزدە ئاساسلىقى ھەرقايسى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار سودىسى، ئەمگەك مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە مەبلەغ يۆتكەش قاتارلىقلارنىڭ مېمورىئال راسخوتىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭغا نەق پۇل ئېلىشقا بولمايدۇ.

مېنبا

  • مېنبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا ئولتۇراقلاشقان.

مېندېل

  • مېندېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاۋستىرىيىلىك بىئولوگ (1822—1884)، يەنى گېنېتىكىنىڭ ئاساسچىسى.

مېندېل فاكتورى

  • مېندېل فاكتورى[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] مېندېل ئوتتۇرىغا قويغان جانلىقلار تېنىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدىكى ئىرسىيەت فاكتورى.

مېندېل قانۇنى

  • مېندېل قانۇنى[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] مېندېل تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان ئېرسىيەت ئىلمىنىڭ ئىككى ئاساسىي قانۇنى. ئۇ ئايرىلىش قانۇنى ۋە ئەركىن بىرىكىش قانۇنىدىن ئىبارەت.

مېندېلېيېۋىي

  • مېندېلېيېۋىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (mendelevium)Md. تۇراقلىق ئىزوتوپىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تەخمىنەن 5.1 سائەت. ئايلانما تېزلەتكۈچتە aدانىچىلىرى ئارقىلىق ئېينىشتېينىينى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.

مېندېلىزم

  • مېندېلىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاۋسترىيىلىك بىئولوگىيە ۋە گېنېتىكا ئالىمى مېندېل (Johann Gregor Mendel) ياراتقان بىر خىل ئىرسىيەت تەلىماتى. ئۇنىڭدىكى ئاساسىي كۆزقاراش: جانلىقلار تېنىنىڭ ھۈجەيرىلىرىدىكى ئىرسىيەت فاكتورى ئىرسىيەتنىڭ ماددىي ئاساسىي، ئۇ ئەركىن بىرىكىش ۋە ئايرىلىش قانۇنىيىتى بويىچە يەككە تەننىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت.

مېنزۇركا

  • مېنزۇركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنىڭ ھەجمىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. شەكلى ئىستاكانغا ئوخشايدۇ. ئەينەكتىن ئىشلىنىدۇ، ئېغىزى تەگلىكىدىن چوڭ كېلىدۇ. سىرتىدا شكالىلىق نومۇرلار بولىدۇ.

مېنشېۋىزم

  • مېنشېۋىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ماركسىزمغا زىت بولغان، بۇرژۇئا ئىدېئولوگىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇرەسسەچىلىك ئۇقۇمى، ئۇ ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى بۇرژۇئازىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مېنشېۋىك

  • مېنشېۋىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مېنشىۋىزم تەرەپدارى، مېنشېۋىزمنى ھىمايە قىلغۇچى كىشى.

مېنىنگىت

  • مېنىنگىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە زەمبۇرۇغلار تەرىپىدىن قوزغىتىلىدىغان، مېڭە پەردىسىنىڭ ياللۇغلىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلىرى. كلىنىكىدا قىزىتىش، قاتتىق باش ئاغرىش، قوسۇش ۋە بويۇن قېتىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بولىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا تارتىشىش، ھوشسىزلىنىشلار كېلىپ چىقىدۇ. «مېڭە پەردىسى ياللۇغى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مېھر

  • مېھر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تويلۇق:[مىسال:] مېھر ھەققى.

مېھر ھەققى

  • مېھر ھەققى[يەشمىسى:] نىكاھ ۋاقتىدا ئوغۇل تەرەپتىن كېلىنگە تۆلىنىدىغان پۇل ياكى مال. ئۇ قىزنىڭ دائىمىي، شەخسىي مۈلكى دەپ قارىلىدۇ.

مېھراب

  • مېھراب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى تېمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى ئىمام تۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئۇدۇلىغا ئويۇپ چىقىرىلغان گۈمبەزسىمان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ② جۈمە ياكى مۇناسىۋەتلىك نامازلاردا ئىمامنىڭ خۇتبە ئوقۇشى ئۈچۈن تەييارلانغان، تەكشىلىكتىن ئېگىزرەك بولغان جاي.

مېھرانە

  • مېھرانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مېھر ھەققى:[مىسال:] مەنكى، ئىشان داموللامدۇرمەن، خوتۇنۇم روزىخان بىلەن چىقىشالمىغاچقا، ئۇنى ئۈچ تالاققا تايىن قىلدىم. ئۇنىڭ مېھرانىسىغا كۇچا ساي بويىدىكى ئىككى ئېغىز ئۆينى سەيناسى بىلەن قوشۇپ بەردىم.

مېھرىبان

  • مېھرىبان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا شەپقەت قىلىدىغان، كۆيۈنىدىغان، كۆيۈمچان، غەمخور:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ مېھرىبان ئانىلاردەك بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ماڭا بەرگەن ئاشۇ تەربىيىسىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالالايمەن

مېھرىبانلارچە

  • مېھرىبانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق بىلەن:[مىسال:] چوپچوڭ يىگىت بولۇپ كېتىپسەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتقانسەن دېدى ئۇ ماڭا مېھرىبانلارچە سەپسېلىپ.

مېھرىبانلاشماق

  • مېھرىبانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان خۇسۇسىيەتنى تۇرغۇزماق، مېھرىبان بولماق:[مىسال:] ئۇ تاھىرنىڭ بىردىنلا بۇنداق مېھرىبانلىشىپ كەتكەنلىكىگە بىرئاز ھەيران بولدى.

مېھرىبانلىق

  • مېھرىبانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈنۈش، شەپقەت قىلىش، كۆيۈمچانلىق، غەمخورلۇق:[مىسال:] يولۋاسنى تۇتۇش ئۈچۈن ئاۋۋال مېھرىبانلىق كۆرسەتمەي بولمايدۇ.

مېھرىگۈل

  • مېھرىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مېھىر+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مېھرىگۈل ئائىلىسىدىكى ئەۋرىشىم غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

مېھرىگىياھ

  • مېھرىگىياھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] موگونىڭ بىر خىلى، قالپىقى بۆرەك شەكلىدە، رەڭگى قوڭۇر، قالپاق يۈزىدە ھالقىسىمان سىزىقلار بولىدۇ، پارقىراق كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە قۇۋۋەت دورىسى قىلىنىدۇ.

مېھمان

  • مېھمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] توي، چاي، زىياپەت، يىغىلىش قاتارلىقلارغا چاقىرىلغان ياكى مۇشۇنداق مۇناسىۋەت بىلەن كۈتۈۋېلىنىدىغان كىشى:[مىسال:] مېھمان بولماق. مېھمان قىلماق. * چولپانگۈل، مېھمانلىرىمنى كۈتۈۋال دېدى ئۇ غەرق مەست ھالەتتە توۋلاپ.

مېھمانخانا

  • مېھمانخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مېھمان كۈتۈۋالىدىغان ئۆي:[مىسال:] ئۇنىڭ مېھمانخانىسى سەل كىچىك ئىكەن.[يەشمىسى:] ② يولۇچىلارنىڭ ۋاقىتلىق يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان، بىر قاتار مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بار بولغان مەخسۇس ئىمارەت ياكى ساراي.

مېھمانخانىلىق

  • مېھمانخانىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېھمانخانىسى بار، ئايرىم مېھمانخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] ئۈچ ئېغىز ياتاق، بىر مېھمانخانىلىق، ھويلىسى خېلى چوڭ ئۆي ئىدى.

مېھماندارچىلىق

  • مېھماندارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېھمان كۈتۈش ياكى مېھمان بولۇش پائالىيىتى، زىياپەت:[مىسال:] ئۇزايىدىن قارىغاندا، ئۇ بىرەر توي-تۆكۈن ياكى مېھماندارچىلىقتىن يانغاندەك كۆرۈنەتتى.

مېھماندوست

  • مېھماندوست[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مېھماننى ياخشى كۆرىدىغان، كەلگەن-كەتكەنلەرنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىدىغان، مېھرىبان:[مىسال:] ئەجەبمۇ توقچىلىق بۇ يۇرت، باياشاتلىق بازارى بار، دىلى ساپ شۇنچە مېھماندوست، سېخىدۇر ئىشچى-دېھقانى.

مېماندوستلۇق

  • مېماندوستلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېھماننى ياخشى كۆرۈش، مېھماننى قىزغىن كۈتۈش؛ مېھرىبانلىق:[مىسال:] ئىككى كىشىگە كۆرسىتىلگەن بۇنچە مېھماندوستلۇق باتۇرنى ھەيرانمۇ قالدۇرمىدى.

مېھمانلىق

  • مېھمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېھمانلار ئۈچۈن تەييارلانغان؛ مېھمانغا بارغاندا كىيىش ئۈچۈن تىكتۈرۈلگەن:[مىسال:] ئۇلار ئۆيگە كىرىپلا سول تەرەپتىكى مېھمانلىق ئورۇندا ئولتۇردى. * ئايزىم ئالدىراپ مېھمانلىق كىيىملىرىنى كىيىۋاتاتتى.

مېھنەت

  • مېھنەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئومۇمەن بەلگىلىك ئەقىل ياكى جىسمانىي كۈچ سەرپ قىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت؛ ئەمگەك؛ ئەجىر:[مىسال:] مېھنەت قىلماق. مېھنەت سىڭدۈرمەك. * ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتىگە قارا (ماقال).

مېھنەتچان

  • مېھنەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئەمگەكچان»غا قاراڭ:[مىسال:] مېھنەت سۆيگەنلەر، بىزدە ھۆرمەتلىك، ئىشلە مېھنەتچان، بولۇپ غەيرەتلىك.

مېھنەتچى

  • مېھنەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېھنەت قىلىشنى، ئىشلەشنى، ئەمگەكنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى شۇنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان كىشى، ئەمگەكچى.

مېھنەتسىز

  • مېھنەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچقانداق مېھنەت، ئەجرى سىڭمىگەن، مېھنەت قىلمىغان، ھېچبىر ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن:[مىسال:] ئۇ ھېچبىر مېھنەتسىزلا بۇنداق چوڭ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن بېشى ئاسمانغا تاقاشقۇدەك خۇشاللىققا تولغانىدى.

مېھنەتكەش

  • مېھنەتكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مېھنەت، ئەجىر قىلىپ كۈن كەچۈرىدىغان، مېھنەت سۆيەر:[مىسال:] ياق، بۇ دۇنيانى «ۋاپاسىز» دېمە، دۇنيا ۋاپاسى ئىلكىڭدە — سەندە. ۋاپا ئاھىنى ئىستىمەس دېمە، ۋاپا خوجىسى مېھنەتكەش بەندە. ∥ئۇ پۈتۈن كارخانا، پۈتۈن يۇرتتىكى مېھنەتكەشلەرنىڭ ۋەكىلى.

مېھنەتلىك

  • مېھنەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېھنەت قىلىنغان، مېھنەت سىڭگەن:[مىسال:] مېھنەتلىك ئىش.

مېھىر (مېھرى)

  • مېھىر (مېھرى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە بولغان مۇھەببىتى، كۈچلۈك ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسى؛ كۆيۈم:[مىسال:] ئانا مېھرى. مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك. مېھرىدىن كەچمەك. مېھرى چۈشمەك.

مېھىرسىز

  • مېھىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆيۈمى يوق، مېھىر-مۇھەببىتى كەم، شەپقەتسىز:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى دىلى قاتتىق، مېھىرسىز ئادەم بولۇپ قالدى.

مېھىرسىزلىك

  • مېھىرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈمى يوقلۇق، مېھىر-مۇھەببىتى كەملىك، شەپقەتسىزلىك:[مىسال:] سېنىڭ ئۇكاڭغا بولغان مېھىرسىزلىكىڭ ئۇنىڭ يامان يولغا كىرىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.

مېھىر-شەپقەت

  • مېھىر-شەپقەت[يەشمىسى:] مېھىر ۋە شەپقەت:[مىسال:] ئۇ ئەنە شۇ چاغدا مېھىر-شەپقەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدى.

مېھىرلىك

  • مېھىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان، كۆيۈمچان:[مىسال:] مېھىرلىك ئاتا بىلەن ئانا ئۇلارنىڭ شۇنداق بولۇشىنى كۈتكەنىدى

مېھىر-مۇھەببەت

  • مېھىر-مۇھەببەت[يەشمىسى:] مېھىر ۋە مۇھەببەت، كۆيۈنۈش:[مىسال:] تاھىرئاخۇن ئاكا ئۇلارنى ئاتىلىق قۇچىقىنى ئېچىپ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت ۋە مىسلىسىز قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالدى.

مېۋە

  • مېۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ بىر قىسمى. گۈل ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن، ئۇرۇقدان تەدرىجىي يوغىناپ مېۋىگە ئايلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئادەتتە ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس يېتىشتۈرۈلگەن بەزى دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىنىدىغان سۇلۇق يەل-يېمىشلەر:[مىسال:] مېۋە كۆچىتى. مېۋە چۈشمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ئەمگەك قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى، ھوسۇلى:[مىسال:] سەۋرنىڭ مېۋىسى ئالتۇن (ماقال).

مېۋە-چېۋە

  • مېۋە-چېۋە[يەشمىسى:] ئومۇمەن يېيىشكە بولىدىغان ئۆسۈملۈك مېۋىلىرى، تۈرلۈك يەل-يېمىشلەر:[مىسال:] ئۇ خۇرجۇندىن لىق مېۋە-چېۋە قاچىلانغان بىر خالتىنى ئېلىپ، شىرەگە قويدى.

مېۋىزار

  • مېۋىزار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، شۇنداق دەرەخلەر ياكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] ئوردا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر مېۋىزار بولۇپ، بۇ يەردە ئالما، ئۆرۈك، نەشپۈت ۋە تۇت دەرەخلىرى خېلىلا كۆپ ئىدى.

مېۋىزارلىق

  • مېۋىزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان، شۇنداق دەرەخلەر ياكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆستۈرۈلگەن جاي، ئورۇن:[مىسال:] مەن دائىم زوقلىنىپ ئايلىنىدىغان چەكسىز مېۋىزارلىققا يېتىپ كەلدىم، يېشىل قورغاندەك سوزۇلغان دەرەخلەر ئالدىمدا نامايان بولدى.

مېۋىسىز

  • مېۋىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېۋىسى يوق، مېۋە بەرمەيدىغان:[مىسال:] مېۋىسىز دەرەخنى قاقما (ماقال). * بىلىمسىز ئادەم — مېۋىسىز دەرەخ (ماقال).

مېۋىلەتمەك

  • مېۋىلەتمەك[يەشمىسى:] «مېۋىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر تۈپ بولسىمۇ، ئەي بولدىمۇ، دېمەك يېڭى سورتنى تۇتقۇزۇپ مېۋىلىتىشتىن ئۈمىد بار.

مېۋىلىك

  • مېۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مېۋىسى بار، مېۋە بېرىدىغان، مېۋىلەيدىغان:[مىسال:] مېۋىلىك دەرەخ. مېۋىلىك باغ.

مېۋىلىمەك

  • مېۋىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەرگىدە مېۋە پەيدا بولماق، مېۋە تۇتماق:[مىسال:] بۇ يىل ئۆرۈكلەر خېلى ئوبدان مېۋىلەپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇشاللىنارلىق نەتىجە يارىتىلماق، نەتىجە ھاسىل بولماق:[مىسال:] مۇھەببەت گۈللىرىنى داۋاملىق ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىغاندا مېۋىلىمەيدۇ، شۇڭا ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش لازىم.

مېيخۇا

  • مېيخۇا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «چىللىگۈل»گە قاراڭ.

مېيىپ

  • مېيىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جىسمانىي جەھەتتە ناكار بولۇپ قالغان، مەلۇم بىر ئورگانىزمى كەم، مەجرۇھ:[مىسال:] مېيىپ بولماق. مېيىپ قىلماق.

مېيىپلەنمەك

  • مېيىپلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مېيىپ بولماق، جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ ھالەتكە كېلىپ قالماق، ناكار بولماق:[مىسال:] ئۇ رەھمەتلىك دادىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مېيىپلىنىپ ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان.

مېيىپلىك

  • مېيىپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىسمانىي جەھەتتە ناكار بولۇپ قالغان، مەلۇم بىر ئورگانىزمى كەم بولغان ھالەت، مەجرۇھلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۈچلۈك غەيرەت-شىجائىتى باشقىلارغا ئۇنىڭ مېيىپلىكىنى قىلچىمۇ چاندۇرمايتتى.

مېيىت

  • مېيىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلۈك، جەسەت:[مىسال:] پېشىن مەھەلدە مېيىت ئېلىپ مېڭىلدى.

مىت

  • مىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ بىرەر ئەزاسىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس ھەرىكەت قىلىش، مىدىرلاش ھالىتى:[مىسال:] مىت قىلماسلىق.

مىتە

  • مىتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. يېتىلگىنىنىڭ تېنى قىزغۇچ قوڭۇر، بېشىنىڭ شەكلى پىل تومشۇقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. قالقان رەڭلىك يۇمىلاق سەپكۈنى بولىدۇ. يېتىلگىنى بىلەن لىچىنكىسىنىڭ ھەممىسى شال، بۇغداي قاتارلىق زىرائەت دانلىرىنى يەيدۇ. ئۇ ئاشلىق ئامبارلىرىدىكى ئاساسىي زىيانداشنىڭ بىرىدۇر.

مىتەۋىلەشمەك

  • مىتەۋىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زاكونلاشماق، گەپ تالاشماق، دېيىشمەك.

مىتتىدە

  • مىتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مىت» قىلىپ، «مىت» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئەتراپ شۇنچە قاراڭغۇ ئىدىكى، پۇتنى مىتتىدە يۆتكىسە غۇلاپ كېتىدىغاندەك ئىدى.

مىتكوت

  • مىتكوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇتنىڭ ئوشۇق سۆڭىكىنىڭ تاسادىپىي ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىش ھالىتى:[مىسال:] مىتكوت بولماق. مىتكوت كەتمەك.

مىتلوس

  • مىتلوس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] يۇمشاق تەنلىك ھايۋان. قېپى ناھايىتى قېلىن بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە، رەڭگى توق قوڭۇر كېلىدۇ. تېيىز دېڭىزلاردىكى قورام تاشلار ئارىسىدا ياشايدۇ.

مىت-مىت

  • مىت-مىت[يەشمىسى:] «مىت»[يەشمىسى:] سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] خېتىرە خېنىم كۆزلىرىنى مىت-مىت قىلىپ كېلىنىگە تىكىلدى.

مىتېللا

  • مىتېللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قاسىراقلىق ھايۋان. تېنىنىڭ شەكلى تاشپاقا پۇتىغا ئوخشايدۇ، كالتسىيلىق قاپچۇقى بولىدۇ، پۇتىنى قاپچۇق ئېغىزىدىن چىقىرىپ ئوزۇق تۇتىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى تاش ئاراچلىرىدا ياشايدۇ.

مىتىقلىماق

  • مىتىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مىتىق-مىتىق» قىلىپ ماڭماق، «مىتىق-مىتىق» قىلماق (بالىلار ھەققىدە).

مىتىق-مىتىق

  • مىتىق-مىتىق[يەشمىسى:] كىچىك بالىلارنىڭ كىچىك-كىچىك قەدەم ئېلىپ ئىتتىك مېڭىش ھالىتى.

مىتىلداتماق

  • مىتىلداتماق[يەشمىسى:] «مىتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ گاھ لەۋلىرىنى بارمىقىنىڭ ھەرىكىتىگە تەڭكەش قىلىپ مىتىلدىتاتتى.

مىتىلداشماق

  • مىتىلداشماق[يەشمىسى:] «مىتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىتىلدىماق

  • مىتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىلىنەر-بىلىنمەس، ئاستا ھەرىكەت قىلماق؛ مىدىرلىماق:[مىسال:] تىكلىمە ئەينەكتە غەم-ئەندىشە، تەنە، ياۋۇزلۇق بىلەن سۇس سېرىق رەڭدە مىتىلداپ تۇرغان كۆپكۈك نۇرسىز بىر جۈپ كۆز ئۆزىگە قاراپ تۇراتتى.

مىجەز

  • مىجەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان خاراكتېرى، خۇسۇسىيىتى، خۇلقى:[مىسال:] ئاسىم ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى.[يەشمىسى:] ② ئادەم ئورگانىزمىنىڭ تەبىئىيىتى:[مىسال:] مىجەزى ئىسسىق. مىجەزى سوغۇق.[يەشمىسى:] ③ سالامەتلىك؛ كەيپىيات:[مىسال:] مەن ئاغرىپ قالدىم، تازا مىجەزىم يوقتەك تۇرىدۇ.

مىجەزى بوش

  • مىجەزى بوش[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى قىلىشقا خاھىشى يوق؛ تەييارلىقى ياخشى ئەمەس:[مىسال:] ئاي-ھاي، قانداق، يولۋاس مىجەز يىگىت، مىجەزىڭىز بەكلا بوشقۇ، دېدى ئايخان.[يەشمىسى:] ② سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، مىجەزى پەس.

مىجەزى پەس

  • مىجەزى پەس[يەشمىسى:] تەن-سالامەتلىكى، كەيپىياتى تازا، ياخشى ئەمەس:[مىسال:] ھوي قادىر بۈگۈن نېمە بولدىڭىز مىجەزىڭىز پەسقۇ دېدى ئالىم.

مىجەزى پېتىر

  • مىجەزى پېتىر[يەشمىسى:] كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، سولاش:[مىسال:] ئاخشام سەل جىق ئىچىپ قويۇپتىكەنمەن، مىجەزىم پېتىر تۇرىدۇغۇ بۈگۈن، دەپ كېرىلدى ئاسىم.

مىجەزى قوداڭشىماق

  • مىجەزى قوداڭشىماق[يەشمىسى:] خاپا بولماق، غەزىپى كەلمەك، ئاچچىقلانماق:[مىسال:] بۇ ئىش ئېسىمگە كېلىش بىلەن مىجەزىم تېخىمۇ قوداڭشىپ كەتتى.

مىجەزى يوق

  • مىجەزى يوق[يەشمىسى:] ساقسىز، كېسەل:[مىسال:] ئەپەندىمنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قېلىپ، تېۋىپقا بارسا، تېۋىپ غاز شورپىسى ئىچىشنى بۇيرۇپتۇ.

مىجەز-خۇلق

  • مىجەز-خۇلق[يەشمىسى:] مىجەز ۋە خۇلق:[مىسال:] مەن ئۇلاردىن خوتەنلىكلەرنىڭ مىجەز-خۇلقى توغرىسىدا كۆپ گەپلەرنى ئاڭلىدىم.

مىجەزلىك

  • مىجەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىجەزى بار، مەلۇم بىر مىجەزدىكى:[مىسال:] غەلىتە مىجەزلىك ئادەم.

مىجىتماق

  • مىجىتماق[يەشمىسى:] «مىجىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىجىشماق

  • مىجىشماق[يەشمىسى:] «مىجىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆرۈكنىڭ پىشقىنىنى ئالىمىز دەپ بىر سېۋەت ئۆرۈكنىڭ ھەممىسىنى بارماقلىرى بىلەن مىجىشىپ بولدى.

مىجىق

  • مىجىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىجىلغان، يانجىلغان، ماكچايغان:[مىسال:] مىجىق چېلەك. مىجىق داس.

مىجىقلاتماق

  • مىجىقلاتماق[يەشمىسى:] «مىجىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىجىقلاشماق

  • مىجىقلاشماق[يەشمىسى:] «مىجىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىجىقلانماق

  • مىجىقلانماق[يەشمىسى:] «مىجىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەن مىجىقلىنىپ يىرتىپ تاشلانغان قەغەز پارچىلىرى ئارىسىدىن جەمىلەنىڭ بەختسىز خېتىنى تاپتىم.

مىجىقلىماق

  • مىجىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاماللاپ مىجىماق، سىقماق:[مىسال:] مەن قولۇمدىكى گۆشنى مىجىقلىغان پېتىم، ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئانىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.

مىجىگەن

  • مىجىگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سىرتى ئاساسەن سېرىق، قارا يولى بار، تورلىشىپ پىشىدىغان، ئۇزۇن ساقلاشقا بولىدىغان ئېتى چۈرۈك قوغۇن.

مىجىلماق

  • مىجىلماق[يەشمىسى:] «مىجىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ چاڭگىلىدىكى بۇ پۇللار پۇرلىشىپ مىجىلىپ، ئاللىقاچان پېتىدىن چۈشكەنىدى.

مىجىماق

  • مىجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سىقماق، ئەزمەك، يانجىماق، ماكچايتماق:[مىسال:] ئۇ داسنى بىرنى تېپىپ مىجىۋەتتى. * ئۇ قىيمىنى مىجىپ دورا-دەرماننى تەڭشىدى.

مىچ

  • مىچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تەركىبىدە سۇ بىرقەدەر كۆپ بولغان نەرسىلەرنى دەسسىگەندە ياكى تۇتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

مىچچىدە

  • مىچچىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مىچ» قىلىپ، «مىچ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] مىچچىدە دەسسىمەك. مىچچىدە ئېزىلمەك.

مىچ-مىچ

  • مىچ-مىچ[يەشمىسى:] «مىچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

مىچىلداتماق

  • مىچىلداتماق[يەشمىسى:] «مىچىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىچىلداشماق

  • مىچىلداشماق[يەشمىسى:] «مىچىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىچىلدىماق

  • مىچىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىچ-مىچ قىلماق، مىچ قىلغان ئاۋازنى چىقارماق:[مىسال:] مىچىلداپ يىغلىماق.

مىخ

  • مىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىككى نەرسىنى بىر-بىرىگە چېتىش، بىرىكتۈرۈش، چىڭىتىش ئۈچۈن قېقىلىدىغان بىر تەرىپى ئۇچلۇق يەنە بىر تەرىپى قالپاقلىق مېتال بۇيۇم:[مىسال:] مىخ قاقماق. * ئۇ ھە دەپ بۇزۇلغان ئورۇندۇقنىڭ مىخلىرىنى سوغۇرۇۋاتاتتى.

مىخ مەتبەئە

  • مىخ مەتبەئە[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] بېسىش مەشغۇلاتى قوغۇشۇن ھەرپ ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان مەتبەئە. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ھەرپ تىزىلىپ، ئىستراتىپقا ئېلىنغاندىن كېيىن، قايتا قوغۇشۇن بەت قۇيۇپ چىقىلىدۇ.

مىخ يېزىق

  • مىخ يېزىق[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] قەدىمكى سومېر خەلقى ئىجاد قىلغان بىر خىل يېزىق. ئۇ مىلادىيىدىن 3500 يىل بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇپ، ئېلىمىزدىكى چىغناق-تاغاق يېزىقىدىن 2000 يىل بۇرۇن پەيدا بولغان. بۇ يېزىق ياغاچ، تاش ۋە خىش تاملارغا ئويۇپ يېزىلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىياغا خېلى كەڭ تارقالغان، بابىلۇنلۇقلار ۋە بەزى پارس ئەللىرى ئۇنى قوللانغان. مىخ يېزىق ئەسلىدىكى تەقلىدىي يېزىق شەكلىدىن بارا-بارا بوغۇملۇق يېزىققا، ئاندىن تاۋۇشلۇق يېزىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان. بىراق مىلادىيىدىن كېيىن بۇ يېزىقنى كىشىلەر ئانچە قوللانمايدىغان بولۇپ قالغان.

مىختا

  • مىختا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۇختا، چىڭ.

مىختەك قادالماق

  • مىختەك قادالماق[يەشمىسى:] كۆزىنى ئۈزمەي قارىماق، تىكىلىپ قارىماق:[مىسال:] قانچە ئونلىغان غەزەپلىك كۆزلەر ئۇنىڭغا مىختەك قادالغانىدى. * ئۇنىڭ كۆزلىرى گۈلچىمەنگە مىختەك قادىلىپ قالغانىدى.

مىختەك ئولتۇرماق

  • مىختەك ئولتۇرماق[يەشمىسى:] زېھنىنى يىغىپ، قادىلىپ، ئورنىدىن قوپماي ئولتۇرماق:[مىسال:] تاماقتىن كېيىن مىختەك ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىمەن، يازىمەن.

مىخقا ئۈسۈۋالماق

  • مىخقا ئۈسۈۋالماق[يەشمىسى:] توسقۇنلۇققا ئۇچرىماق، دەككىسىنى يېمەك:[مىسال:] ئەگەر ئەقىل-پاراسىتىڭ كەم بولسا، نەگىلا بارما مىخقا ئۈسۈۋالىسەن.

مىخلاتماق

  • مىخلاتماق[يەشمىسى:] «مىخلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شامەخسۇت ئوردا ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇپ، دەرۋازىنى ئىچىدىن مىخلىتىپ، ئۈرۈمچىدىن ياردەم كەلگۈچە ساقلاپ ياتماقچى بوپتۇ.

مىخلاشماق

  • مىخلاشماق[يەشمىسى:] «مىخلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىخلاقلىق

  • مىخلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىخلانغان، مىخلاپ قويۇلغان:[مىسال:] تامدا بىرنەچچە پارچە تېرە مىخلاقلىق تۇراتتى.

مىخلانماق

  • مىخلانماق[يەشمىسى:] «مىخلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىك-دېرىزىلەر مەھكەم مىخلانغان بولۇپ، ئۆيگە ئادەم تۇرماق بىر تال چىۋىنمۇ كىرەلمەيتتى.

مىخلىق

  • مىخلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىخى بار، مىخ ئورنىتىلغان، مىخ قېقىلغان:[مىسال:] مىخلىق ئاياغ.

مىخلىماق

  • مىخلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىخ بىلەن مەھكەملىمەك، چىڭىتماق؛ مىخ قاقماق:[مىسال:] ساندۇق مىخلىماق.

مىدىر

  • مىدىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىلىنەر-بىلىنمەس قىلىنغان ھەرىكەت، قىمىر:[مىسال:] مىدىر قىلماسلىق.

مىدىر-سىدىر

  • مىدىر-سىدىر[يەشمىسى:] مىدىر ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر:[مىسال:] مىدىر-سىدىر قىلماسلىق.

مىدىرلاتماق

  • مىدىرلاتماق[يەشمىسى:] «مىدىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ دەرەخنىڭ ئۇششاق شاخلىرىنى مىدىرلىتىپ قاراۋۇللۇققا يېڭىدىن ئالمىشىپ چىققان نادەمنى كۆردى. * ئۇ گەۋدىسىنى سەل-پەل مىدىرلىتىپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى.

مىدىرلاشماق

  • مىدىرلاشماق[يەشمىسى:] «مىدىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆگزە ئۈستىدە بىرنەچچە قارا كۆلەڭگە قۇرتتەك مىدىرلاشماقتا ئىدى.

مىدىرلىماق

  • مىدىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەرىكەت قىلماق، قوزغالماق، سىلجىماق، تەۋرەنمەك، قىمىرلىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ لەۋلىرى بىلىنەر-بىلىنمەس مىدىرلىدى.

مىدىر-مىدىر

  • مىدىر-مىدىر[يەشمىسى:] «مىدىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] مىدىر-مىدىر قىلماق.

مىدىق

  • مىدىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] كىچىك-كىچىك قەدەم ئېلىپ ئىرغاڭلاپ، تېز-تېز مېڭىش ھالىتى (كۆپىنچە كىچىك بالىلارنىڭ).

مىدىقلىماق

  • مىدىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىچىك-كىچىك قەدەم ئېلىپ تېز-تېز ماڭماق، مىتىقلىماق، ئىرغاڭلىماق:[مىسال:] مىدىقلاپ ماڭماق.

مىدىق-مىدىق

  • مىدىق-مىدىق[يەشمىسى:] «مىدىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

مىراب

  • مىراب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە سۇ باشقۇرىدىغان كىشى:[مىسال:] قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولماق. * مەككىنىڭ مىرابىدەك، قاپقارادۇر قاشلىرىڭ. لەيلى-مەجنۇن تالغا ئوخشاش، ئىككى زۇلپى چاچلىرىڭ.

مىراببېگى

  • مىراببېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىراب+بەگ+ى[[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مىرابلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەنسەپدار:[مىسال:] بۇ بىر توپ كىشىنىڭ ئىچىدە ۋاڭنىڭ دېھقانچىلىققا مەسئۇل تەيجىسى، شەھەر دورغىسى، مىراببېگى. كۆكبېشى، خەتچىلەر بار ئىدى.

مىرابلىق

  • مىرابلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىراب قىلىدىغان ئىش، سۇ باشقۇرۇش ئىشى:[مىسال:] توختى سۇ پونكىتى قۇرۇپ مىرابلىق قىلىمەن دەۋاتقىنى يوققۇ

مىراخور

  • مىراخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] خان، پادىشاھ ئوردىلىرىدىكى ئات باقارلار باشلىقى.

مىراس

  • مىراس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆلگەنلەردىن قالغان مال-مۈلۈك:[مىسال:] مىراس قالماق.[يەشمىسى:] ② ئۆلگەنلەردىن كېيىنكىلەرگە قالغان ئىلمىي، ئەدەبىي، مەدەنىي، كەسپىي ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسە؛ بايلىق، ھۈنەر-كەسىپ:[مىسال:] ئاتا كەسپى بالىغا مىراس (ماقال). * قەدىمىي ئەسەرلەرنى يىغىش، رەتلەش ئارقىلىق تارىخىي مىراسلىرىمىز يوقىلىش گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

مىراسخور

  • مىراسخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مىراسقا ۋارىسلىق قىلغۇچى:[مىسال:] ئۇنىڭ مىراسخورلىرى بولمىغاندىن كېيىن، سۇلتان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى خەزىنىگە ئېلىۋاپتۇ.

مىراسخورلۇق

  • مىراسخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ئىشى:[مىسال:] ئۇ دادىسىنىڭ ئىگىلىكىگە مىراسخورلۇق قىلىپلا قالماي، دادىسىنىڭ يۈز نەچچە پارچە كىتابىغىمۇ ۋارىسلىق قىلدى.

مىراسىي

  • مىراسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىراس بولۇپ قالغان:[مىسال:] مىراسىي كېسەل.

مىرت

  • مىرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سىلىق نەرسىلەرنىڭ قولدىن تېز چىقىپ كېتىش ھالىتى.

مىرتتىدە

  • مىرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مىرت» قىلىپ، «مىرت» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ ھۆل قولى بىلەن سوپۇننى تۇتقان ئىدى، قولىدىن مىرتتىدە چىقىپ كەتتى.

مىرت-مىرت

  • مىرت-مىرت[يەشمىسى:] «مىرت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

مىرزا

  • مىرزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] پۈتۈكچى، كاتىپ:[مىسال:] بىركۈنى ئۇ بالا مىرزىغا ئەگىشىپ ئوردىغا كىرىپتۇ، ئۇنى پادىشاھ كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

مىرزىخانا

  • مىرزىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] مىرزىلار ئىش قىلىدىغان ئۆي، كاتىبات ئىشخانىسى:[مىسال:] ئوڭ تەرەپتىكى شىرەلەرگە مىرزىخانىغا لازىملىق قەلەمدان، قەغەز، مىكە تاشلار قويۇلغان.

مىرزىگۈل

  • مىرزىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىرزا+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى چوڭ ھەم چىرايلىق بولۇپ، ئېچىلىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

مىرشەپ

  • مىرشەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى كېچىلىك ئامانلىقنى ساقلىغۇچى كىشى:[مىسال:] بىركۈنى كېچىسى ئەپەندىم بازاردا كېتىپ بارسا، ئۇنى مىرشەپ تۇتۇۋاپتۇ.

مىرشەپ بېگى

  • مىرشەپ بېگى[يەشمىسى:] مىرشەپلەرنى باشقۇرىدىغان كىشى، مىرشەپلەرنىڭ باشلىقى:[مىسال:] يامۇل بېگىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلىغان مىرشەپ بېگى بەش-ئالتە مىرشەپنى ئەگەشتۈرۈپ چارلاشقا چىقىپتۇ.

مىرشەپلىك

  • مىرشەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېچىلىك ئامانلىقنى ساقلاش ئىشى:[مىسال:] بوۋاي ئەھۋالنى پادىشاھقا يەتكۈزگەنىكەن، پادىشاھ خۇرسەن بولۇپ، ۋەدىسى بويىچە بوۋايغا شەھەرنىڭ مىرشەپلىك ئەمىلىنى بېرىپتۇ.

مىرغەزەپ

  • مىرغەزەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] مەھبۇسلارنى ئۇرۇپ جازالايدىغان كىشى؛ زىندان نازارەتچىسى:[مىسال:] ياساۋۇللار پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىنى بەجا كەلتۈردى، غېرىبقا جاللات-مىرغەزەپلەرنى قوشۇپ پالىماقچى بولدى.

مىرغىزار

  • مىرغىزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئوتلاق، يايلاق، چىمەنزار:[مىسال:] ئانامدەك مېھرىبان كوئىنلۇن تېغى، سېنى مەن قايتىلاپ يوقلاشقا كەلدىم. چاڭقىغان چۆللەردە مىرغىزار ياساپ، گۈل ئاچقان ئەجرىڭنى قۇتلاشقا كەلدىم.

مىرغىزارلىق

  • مىرغىزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوتلاق، يايلىقى بار:[مىسال:] مىرغىزارلىق باغ-ئارامدا، بىر گۈلى رەنا ئىدىڭ. بۇ جاھاننىڭ سەھنىسىدە، گۆھىرى يەكتا ئىدىڭ.

مىرقىراتماق

  • مىرقىراتماق[يەشمىسى:] «مىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىرقىراشماق

  • مىرقىراشماق[يەشمىسى:] «مىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىرقىرىماق

  • مىرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىماق (بالىلار ھەققىدە):[مىسال:] بۇ يەردە بىركىم ئۆلمىگەندىن كېيىن، تولا مىرقىرىمىساڭچۇ، دەپ زەردە بىلەن سىلكىشلىدى ئانا بالىسىنى.

مىرۋەت

  • مىرۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئەرگۈل»گە قاراڭ.

مىرىڭ

  • مىرىڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يىغلاڭغۇ.

مىزاج

  • مىزاج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ تەبىئىتى، مىجەز:[مىسال:] مۆتىدىل مىزاج. غەيرىي مىزاج.

مىزان

  • مىزان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تارازا، جىڭ:[مىسال:] مىزانغا سېلىپ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەك. * ئېشىڭنى ئۆلچەشكە نەدىكى ۋاقىت، ئېيتقىنا، خاتامۇ ئېيتقان سۆزىمىز، ھەر يىلى باھالاپ نەچچە خاماننى، مىزانغا ئايلانغان بىزنىڭ كۆزىمىز.[مىسال:]>[يەشمىسى:] ② ئاستر<[يەشمىسى:] مىزان بۇرجى.[يەشمىسى:] ③ شەمسىيە يىل ھېسابىدا 7-ئاينىڭ ئەرەبچە نامى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۆز ھەرىكەت قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنى باھالاشتا ئاساسلىنىدىغان پرىنسىپ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى، نورمىسى ياكى قېلىپى:[مىسال:] ھەرىكەت مىزانى. ئەخلاق مىزانى.

مىزان بۇرجى

  • مىزان بۇرجى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ يەتتىنچىسى. بەلگىسى ≌. ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى °180 تىن °210 قىچە. ئەسلىي ئورنى مىزان يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمىگە يۆتكەلگەن. مىلادىيە بويىچە ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۇم كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىكى بولىدۇ.

مىزگان

  • مىزگان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەربىي ئىشلاردا ئاددىي سىگنال ئارقىلىق خەۋەرلىشىشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى.

مىزگانچى

  • مىزگانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىزگان چالىدىغان كىشى.

مىژ

  • مىژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نۇرغۇنلىغان ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ تەرتىپسىز ھەرىكەت قىلىش ھالىتى.

مىژژىدە

  • مىژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «مىژ» قىلىپ، «مىژ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] شاپاققا چىۋىن مىژژىدە يىغىلدى.[يەشمىسى:] ② كۆپ، جىق:[مىسال:] بۇ يەردە چۈمۈلە دېگەن مىژژىدە ئىكەن.

مىژگان

  • مىژگان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كىرپىك:[مىسال:] ئاتتى مىژگان ئوقلىرىنى ئىككى قاراقچى كۆزلىرى، بولدى بۇ جىسمىم زەئىپ باغرىمە كار ئەيلىگەچ. * قاراپ قالدىم ئاجايىپ ئۇز سەنەمگە، گويا مىژگان ئوقى تەگدى سىنەمگە.

مىژ-مىژ

  • مىژ-مىژ[يەشمىسى:] ① «مىژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى جىق، بەك تولا:[مىسال:] بازاردا ئادەم مىژ-مىژ ئىدى.

مىژىلداشماق

  • مىژىلداشماق[يەشمىسى:] «مىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىژىلدىماق

  • مىژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مىژ-مىژ» قىلماق:[مىسال:] ئېگىزلىكتە ئاتلىق ۋە پىيادە ئەسكەرلەر خۇددى چۈمۈلىدەك مىژىلداشقا باشلىدى.

مىسⅠ

  • مىسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى Cu(Cuprum). قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، كۈچلۈك سوزۇلۇشچانلىققا، ئېلېكتر ئۆتكۈزۈشچانلىققا ھەم ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىققا ئىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ قېتىشمىسى ئېلېكتر سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

مىس ئەينەك

  • مىس ئەينەك[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن بىرى. ئەينەك كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن كىشىلەر ئۆز ئەكسىنى كۆرۈش ئۈچۈن مىستىن ئەينەك ياساپ ئىشلەتكەن.

مىس باش

  • مىس باش[يەشمىسى:] ① چېچى ساپسېرىق كىشى.[يەشمىسى:] ② جاراھەت ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بېشىغا چاچ ئۈنمىگەن، غىلتاڭ، تاقىر:[مىسال:] باي زاغۇن يىغىنى قىزىتىپ مورىنىڭ قۇرۇمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بالىسىنىڭ بېشىغا سۈركەشكە كىرىشىپتۇ، بىر ئايدىن كېيىن بايۋەچچىنىڭ بېشى مىس باش بولۇپ ساقىيىپتۇ.

مىس قورال دەۋرى

  • مىس قورال دەۋرى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] تاش قورال دەۋرىدىن كېيىنكى، تۆمۈر قورال دەۋرىدىن ئىلگىرىكى دەۋر. بۇ دەۋردە، ئىنسانىيەت مىستىن ياسالغان قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلگەن، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. مەملىكىتىمىزدە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللار ئۆپچۆرىسىدىلا مىس قۇيما جابدۇقلارنى ئىشلىيەلىگەن.

مىسⅡ

  • مىسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ھەرىكەتنىڭ بەك ئاستا قىلىنىش ھالىتى (ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە).

مىسال

  • مىسال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر مەسىلىنى، كۆزقاراشنى ياكى ھادىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان دەلىل، ئىسپات، نەمۇنە، ئۆرنەك، ئەندىزە:[مىسال:] مۇھەببەتنىڭ بولار يامغۇرى، قارى. مۇھەببەت بىر گۈزەل شېئىر مىسالى.[يەشمىسى:] ② ماتېماتىكا دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن سانلىق (رەقەملىك) فورما:[مىسال:] ئىمتىھاندا ماتېماتىكىدىن ئىككى مەسىلە، ئۈچ مىسال چۈشتى.

مىسالەن

  • مىسالەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «مەسىلەن»گە قاراڭ:[مىسال:] مېنىڭچە ئۆزىمىزمۇ ئانچە-مۇنچە ھەرىكەت قىلساقمىكىن دەيمەن. مىسالەن دېسەم، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ياغاچچىلىق، موزدوزلۇق قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزىمىز قىلساق.

مىستىتسىزم

  • مىستىتسىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مىستىكىغا، تەسەۋۋۇپقا ئاساسلانغان ئىدېئالىستىك دىنىي دۇنيا قاراش؛ مىستىكىغا مايىللىق:[مىسال:] مىستىتسىزم روھىدىكى ئەسەر.

مىستىرىيە

  • مىستىرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] دەسلەپكى ۋاقىتلاردا چېركاۋلاردا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە لاتىن تىلىدا ئوينالغان ئوتتۇرا ئەسىر درامىسى.

مىستىكا

  • مىستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىر خىل دىنىي ئىدېئالىزملىق دۇنيا قاراش. ئۇ ئادەم بىلەن ئىلاھ ياكى تەبىئەتتىن تاشقىرى كۈچ ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئالاقە بولىدۇ ھەمدە مۇشۇنداق ئالاقە ئارقىلىق ئالەمنىڭ «سىرى» بىلىنىدۇ دېگەننى تەرغىب قىلىدۇ.

مىسرا

  • مىسرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ ھەر بىر قۇرى:[مىسال:] شائىر ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىر ئوقۇپتۇ.

مىسرالىق

  • مىسرالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىسرالاردىن تۈزۈلگەن، مىسرالاردىن تەركىب تاپقان:[مىسال:] تۆت مىسرالىق شېئىر. ئىككى مىسرالىق شېئىر.

مىسرانⅠ

  • مىسرانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىككى شەھەر.

مىسران قىلىچ

  • مىسران قىلىچ[يەشمىسى:] بىر خىل قىلىچ، بۇ قىلىچ ئىراقتىكى بەسىرە، كوفى دېگەن ئىككى شەھەردە سوقۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان:[مىسال:] چىن تۆمۈر باتۇر مىسران قىلىچىنى ئېسىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، كاپكاپ كۈچۈكىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ.

مىسرانⅡ

  • مىسرانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋازچىلىقتا كۈنجۈرىنى قومۇرۇپ ئالىدىغان ئىسكىنە تۆمۈر.

مىسسىدە

  • مىسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مىس» قىلىپ، «مىس» قىلغان ھالدا.

مىسسىئونېر

  • مىسسىئونېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىي جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن دىن تارقىتىشقا ئەۋەتىلگەن كىشى، خرىستىئان دىنىنىڭ دىن تارقاتقۇچىسى.

مىسقال

  • مىسقال[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوندىن بىر سەرگە، يەنى 68.4 گىرامغا تەڭ بولغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى:[مىسال:] سۇغا سالسام سۇ كۆتۈرمەس، مىسقال تۆمۈرنى. ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس، قالغان كۆڭۈلنى.

مىسقالچە

  • مىسقالچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كىچىككىنە، ھېچقانچە، پەقەتلا:[مىسال:] ئادىمى ئالماشتىيۇ، يولى، تۈزۈمى ئالماشمىدى، سابىت دېگەننىڭ ئىشلىرى مىسقالچىمۇ قاملاشمىدى.

مىسقالداكا

  • مىسقالداكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىسقال+داكا[[يەشمىسى:] ماتانىڭ سىلىقراق بىر تۈرى.

مىسقاللاپ

  • مىسقاللاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① بىر مىسقال، بىر مىسقالدىن؛ مىسقال بىلەن:[مىسال:] ئالتۇن دېگەننى جىڭلاپ ئالىدىغان نەرسە ئەمەس، مىسقاللاپ ئالىدىغان نەرسە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى ئاستا، ئاز-ئازدىن:[مىسال:] كېسەل پاتمانلاپ كىرەر، مىسقاللاپ چىقار (ماقال).

مىسقاللاتماق

  • مىسقاللاتماق[يەشمىسى:] «مىسقاللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىسقاللاشماق

  • مىسقاللاشماق[يەشمىسى:] «مىسقاللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىسقاللىق

  • مىسقاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مىسقالنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلغان، مىسقاللاپ تارتىدىغان:[مىسال:] مىسقاللىق تارازا. مىسقاللىق جىڭ.[يەشمىسى:] ② مەلۇم مىسقال ئېغىرلىقتىكى؛ مەلۇم مىسقال كېلىدىغان:[مىسال:] يىگىرمە مىسقاللىق بىلەزۈك.

مىسقاللىماق

  • مىسقاللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىسقالنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ ئۆلچىمەك:[مىسال:] ئالتۇننى مىسقاللىماق.

مىسكانتۇس

  • مىسكانتۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «مىسكانتۇس ئوتى»غا قاراڭ.

مىسكانتۇس ئوتى

  • مىسكانتۇس ئوتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. سۇ ياقىلىرىدا ئۆسىدۇ. غولىدىن سېۋەت قاتارلىقلارنى توقۇغىلى بولىدۇ.

مىسكەر

  • مىسكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مىستىن ھەرخىل بۇيۇملار ياسايدىغان ۋە ئۇنى رېمونت قىلىدىغان ھۈنەرۋەن:[مىسال:] مىسكەر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مىڭ مۇشەققەتتە ئۆيگە كىرىپ قارىسا، ئانىسى يوق تۇرغۇدەك.

مىسكەرلىك

  • مىسكەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىستىن ھەرخىل بۇيۇم ياساش ۋە رېمونت قىلىش كەسپى:[مىسال:] كارخان ئىچىدىن مىسكەرلىك قىلىۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

مىسكىن

  • مىسكىن[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوقسۇزلۇق، غەم-ئەندىشە تۈپەيلىدىن روھىي ھالىتى چۈشكۈنلەشكەن، غەمكىن، سولغۇن:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى خىيالچان ۋە مىسكىن ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەمبەغەللىك، يوقسۇزلۇقتىن ئېغىر ئەھۋالدا قالغان، بىچارە ئادەم:[مىسال:] مىسكىن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى يۆلەش ئىنساندىكى گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتتۇر.

مىسكىنلەشمەك

  • مىسكىنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىسكىن ھالەتكە كەلمەك، مىسكىن بولماق:[مىسال:] ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بۇ ئىككى قېرى كۈندىن-كۈنگە مسىكىنلىشىپ باراتتى.

مىسكىنلىك

  • مىسكىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوقسۇزلۇق، غەم-ئەندىشە تۈپەيلىدىن روھىي ھالىتى چۈشكۈنلەشكەن ھالەت، غەمكىنلىك، سولغۇنلۇق:[مىسال:] رازىيەنىڭ مىيىقىدا كۈلۈپ تۇرغان چىرايىدا بولسا بىر خىل يوشۇرۇن مىسكىنلىك ۋە كۆڭلى يېرىملىق سېزىلەتتى.

مىسلى

  • مىسلى[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] بولۇشسىز جۈملىدە «پەقەت»، «زادى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ...گە ئوخشاش، كەبى، خۇددى:[مىسال:] كوھى دارا خۇددى جام، سۈبھى زىياسى مىسلى مەي، تازا مەيدەك بەخش ئېتەر جانغا ھۇزۇر ئەتراپتا نەي.

مىسلىسىز

  • مىسلىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىسلى كۆرۈلمىگەن، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان:[مىسال:] مىسلىسىز ئىش.

مىسلىمىياڭ

  • مىسلىمىياڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېزىلەڭگۈ، لەقۋا.

مىس-مىس

  • مىس-مىس[يەشمىسى:] ① «مىس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② بىر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان، ھەرىكىتى ئاستا:[مىسال:] مىس-مىس ئادەم.[يەشمىسى:] ③ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، بوشاڭ:[مىسال:] مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمايدىغان تازىمۇ مىس-مىس ئەر ئىكەنسىزغۇ

مىسۋاك

  • مىسۋاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئارچا، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق خۇش پۇراق ماتېرىياللاردىن ياسىلىدىغان چىش يۇغۇچ:[مىسال:] ئۆينىڭ ئىشىك تەرەپتىكى تېمىدىكى قوزۇققا مىسۋاك ئېسىلغانىدى.

مىسۋاكلىماق

  • مىسۋاكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىسۋاك بىلەن چىشنى يۇماق:[مىسال:] تاماقتىن كېيىن چىشنى مىسۋاكلاپ يۇيۇش كېرەك.

مىسىر

  • مىسىر[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ئاز بىر قىسىم زېمىنى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىغا (سىناي يېرىم ئارىلى) جايلاشقان. يەر مەيدانى 1 مىليون 2000 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسىنىڭ 78% نى ئەرەبلەر ئىگىلەيدۇ، قالغىنى كوپتىلار، بىدوئىنلار ۋە نوبىيلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى، كۆپ سانلىق ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەنە ئاز ساندا خىرىستىئانلارمۇ بار. دۆلەت نوپۇسىنىڭ 49% تىن كۆپرەكى دۆلەت زېمىنىنىڭ پەقەت 4% تىگە يەتمەيدىغان نېل دەرياسى بويى ۋە دېلىستغا ئولتۇراقلاشقان.

  • مىسىر تارىخى ئۇزۇن مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ، مىلادىن بۇرۇنقى 3200-يىلىلا بىرلىككە كەلگەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇلغان. مىلادى 640-يىلى ئەرەب ئىمپېرىيىسىگە، 1517-يىلى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. 1882-يىلى ئەنگلىيە مىسىرغا قوراللىق بېسىپ كىرگەن. 1922-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەنگلىيە مىسىرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەقبۇر بولغان. 1952-يىلى مىسىر فارۇخ سۇلالىسى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئىككىنچى يىلى مىسىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1958-يىلى 2-ئايدا مىسىر ۋە سۈرىيە بىرلىشىپ، «ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرغان. 1961-يىلى 9-ئايدا سۈرىيە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، 1971-يىلى 9-ئايدا مىسىر نامىنى «ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى»گە ئۆزگەرتكەن. 1956-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • مىسىرنىڭ نېفىت زاپىسى 400 مىليون توننىغا يېتىدۇ، سۇلفات كىسلاتا تۇزى ئىنتايىن مول، مىسىر ئافرىقا بويىچە سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىكلەر ۋە يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا نوپۇسى دۆلەت نوپۇسىنىڭ 06% تىنى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا ۋە تۆگە بېقىلىدۇ.

  • ئاساسلىق شەھەرلىرى: ① قاھىرە، دۆلەت پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. ئافرىقا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ، ھەر كۋادرات مېتىرغا 20 مىڭ ئادەم توغرا كېلىدۇ. ② ئالىكساندىرىيە، دۆلەت بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر، مىسىرنىڭ چوڭ سودا ۋە ھەربىي پورتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 332-يۇىلى قۇرۇلغان. ③ سەئىدى پورتى، مىسىرنىڭ ئىككىنچى چوڭ پورتى، ئاھالىسى 300 مىڭ. يەنە سۇۋەيىش، ئاسۋان شەھەرلىرىمۇ بار.

مىسىل

  • مىسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاخال؛ پاخالدىن ياسالغان كۆرپە.

مىسىلچە

  • مىسىلچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھالقا، ئۈزۈك، بىلەزۈك قاتارلىقلارنى سوققاندا سۇغىرىدىغان مىس چىنە.

مىسىلداشماق

  • مىسىلداشماق[يەشمىسى:] «مىسىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىسىلدىماق

  • مىسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ناھايىتى ئاستا ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] مىسىلداپ ئاران ماڭىدىغان بۇ بوۋاينىڭ ھەرىكىتى شۇنداق تېز بولدىكى، ئۆزۈمنى ئوڭلاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم.

مىشⅠ

  • مىشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بۇرنىنى تارتقان، ئۈنسىز يىغلىغان چاغلاردا چىققان ئاۋاز.

مىشⅡ

  • مىشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مۈشۈك.

مىشە

  • مىشە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈكى قىرقىلىپ ئاشلانغان تېرە.

مىشەك

  • مىشەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مىلتىق ئوقى ياكى زەمبىرەك ئوقىنىڭ دورا قاچىلايدىغان كانايسىمان قىسمى. ئۇ كۆپىنچە مېتالدىن ياسىلىدۇ.

مىشقىرىتماق

  • مىشقىرىتماق[يەشمىسى:] «مىشقىرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىشقىرماق

  • مىشقىرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ماڭقىسىنى تاشلىماق، بۇرۇننى تاشلىماق:[مىسال:] بالىلار بەزىدە كۈچەپ مىشقىرغاندا بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئېشىپ، قان تومۇرلار بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلىپ، بۇرۇن قانايدۇ.

مىشقىرىشماق

  • مىشقىرىشماق[يەشمىسى:] «مىشقىرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىشقىرىق

  • مىشقىرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىشقىرغاندا بۇرنىدىن ئېقىپ چىقىدىغان ماڭقا.

مىشكاپ

  • مىشكاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەندىردىن توقۇلغان تاغار.

مىشمېرىق

  • مىشمېرىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىدىماس، يىغلاڭغۇ.

مىش-مىش

  • مىش-مىش[يەشمىسى:] كىمنىڭ ئېيتقانلىقى، راست-يالغانلىقى ئېنىق بولمىغان (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] مىش-مىش گەپ. مىش-مىش پاراڭ.

مىشىلداتماق

  • مىشىلداتماق[يەشمىسى:] «مىشىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئارزۇگۈل بېشىنى كۆتۈرمەستىن كۆك كىگىزنىڭ تۈكىنى يۇلۇپ، بۇرنىنى مىشىلدىتىپ تۇردى.

مىشىلداشماق

  • مىشىلداشماق[يەشمىسى:] «مىشىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆينىڭ تۆرىدە بىرقانچە ئايال مىشىلدىشىپ يىغلىشىۋاتاتتى.

مىشىلدىماق

  • مىشىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بۇرنىنى تارتىپ «مىش-مىش» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق.[يەشمىسى:] ② باشقا گەپ قىلماي شۇنداق ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ خوتۇنى بىردەم مىشىلداپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.

مىغ

  • مىغ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنىڭ توختاۋسىز ھەرىكىتىنى بىلدۈرىدۇ.

مىغ-مىغ

  • مىغ-مىغ[يەشمىسى:] ① «مىغ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، تولا (ئادەم ھەققىدە):[مىسال:] خېلى چاغلاردىن بۇيان چۆلدەرەپ تۇرغان كونا جۇۋا مەيدانى پېشىن نامىزىدىن كېيىن مىغ-مىغ ئادەم بىلەن توشتى.

مىغىلداشماق

  • مىغىلداشماق[يەشمىسى:] «مىغىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بازار كۈنى بولغاچقا، كوچا-رەستىلەردە ئادەملەر مىغىلدىشاتتى.

مىغىلدىماق

  • مىغىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] توختاۋسىز ھەرىكەت قىلماق (نۇرغۇن جانلىق ھەققىدە):[مىسال:] يەكشەنبە بولغاچقىمىكىن، بازاردا كىشىلەر مىغىلدايتتى.

مىفولوگىيە

  • مىفولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① ئەپسانىلەر ھەققىدىكى پەن.[يەشمىسى:] ② بىرەر خەلقنىڭ ئەپسانىلىرىنىڭ يىغىندىسى:[مىسال:] گرېك مىفولوگىيىسى. شەرق مىفولوگىيىسى.

مىفولوگىيىلىك

  • مىفولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىفولوگىيىگە ئائىت؛ ئەپسانىۋى:[مىسال:] مىفولوگىيىلىك قاراش. مىفولوگىيىلىك ئوبراز.

مىقدار

  • مىقدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆلچەش، ساناش مۇمكىن بولغان نەرسىلەرنىڭ ئاز-كۆپلۈكى، سانى، چامىسى:[مىسال:] ئىسسىقلىق مىقدارى. كۆپ مىقداردىكى سۇ.[يەشمىسى:] ② ئۈلۈش، ھەسسە:[مىسال:] بىر مىقدار كىسلاتاغا ئۈچ مىقدار سۇ قوشماق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۆلىمى، يەنى شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى، تەرەققىيات دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مىقدارى پەرقلىق بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان مۇئەييەنلىك.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] مىقدار سۆز.

مىقدارلىق

  • مىقدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىقدار جەھەتتىكى:[مىسال:] بۇ خىل ئىلىمنى جىسىملارنىڭ مىقدارلىق تۈزۈلۈشنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان سۈپەت ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دەپ ئاتاش مۇمكىن.

مىقىرىماق

  • مىقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يىغلىماق.

مىقياس

  • مىقياس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۆلەم، دائىرە:[مىسال:] پۈتكۈل يۇرت مىقياسىدا يېشىللىقتىن، دەل-دەرەختىن، ئۆي-ئىمارەتتىن ئەسەر قالماپتۇ.

مىكرو

  • مىكرو[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① كىچىك؛ كىچىك جەھەتتىكى:[مىسال:] مىكرو دۇنيا. مىكرو ئىگىلىك.[يەشمىسى:] ② ماددىلارنىڭ ئاتوم، مولېكۇلا، ئېلېكترون قاتارلىق ئىچكى قۇرۇلمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئۇنىڭغا تەۋە ياكى ئالاقىدار بولغان.

مىكرو خىمىيە

  • مىكرو خىمىيە[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ناھايىتى ئاز مىقداردىكى ماددىلار ئارقىلىق خىمىيىۋى رېئاكسىيە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل تارماق پەن. بۇ خىل تەتقىقات ئادەتتە ئالاھىدە كىچىك قىلىپ ياسالغان ئەسۋابلار ئارقىلىق مىكروسكوپ ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مىكرو دولقۇن

  • مىكرو دولقۇن[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 1 مىللىمېتىردىن 1 مېتىرغىچە بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. مىكرو دولقۇننىڭ يۆنىلىشچانلىقى بەك كۈچلۈك. چاستوتىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاساسەن پاراخوتلارغا يول باشلاش، رادار، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش، ھاۋارايى، ئاسترونومىيە<قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىنىلىدۇ.

مىكروئامپېر

  • مىكروئامپېر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توك كۈچى بىرلىكى. 1 ئامپېرنىڭ مىليوندىن بىرىگە تەڭ.

مىكروب

  • مىكروب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرۈش مۇمكىن بولغان ناھايىتى كىچىك جانلىقلار ياكى ئۆسۈملۈك ئورگانىزمى:[مىسال:] كېسەل قوزغاتقۇچى مىكروبلار. مىكروب ئۆلتۈرۈش.

مىكروبسىز

  • مىكروبسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىكروبى يوق، مىكروبى بولمىغان:[مىسال:] مىكروبسىز سۇ. ∥مىكروبسىز ئۆستۈرۈش.

مىكروبسىزلاندۇرماق

  • مىكروبسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «مىكروبسىزلانماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۈتنى قايناتماي قايتا-قايتا قىزىتىش ئارقىلىق مىكروبسىزلاندۇرۇش كېرەك.

مىكروبسىزلاندۇرۇلماق

  • مىكروبسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مىكروبسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سۈت پاراشوكى يېڭى سۈتنى ھىم جايدا مىكروبسىزلاندۇرۇپ قىزىتىپ، سۇسىزلاندۇرۇپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.

مىكروبسىزلانماق

  • مىكروبسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىكروبسىز ھالەتكە كەلمەك، تەركىبىگە ئارىلىشىپ قالغان مىكروب يوقالماق.

مىكروبلانماق

  • مىكروبلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەركىبىگە مىكروب كىرىپ قالماق؛ مىكروب بىلەن يۇقۇملانماق:[مىسال:] دوختۇر:[مىسال:] بۇ بالىنىڭ يارىسىنى تازىلاپ قايتىدىن تېڭىڭ، يارىلىرى مىكروبلىنىپ قالمىسۇن، دېدى.

مىكروبىئولوگ

  • مىكروبىئولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مىكروبىئولوگىيە ئالىمى، مۇتەخەسسىسى.

مىكروبىئولوگىيە

  • مىكروبىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىكرو ئورگانىزملارنىڭ مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، كلاسسىفىكاتسىيىسى، ئىرسىيەت ئۆزگىرىشچانلىقى، بىئوخىمىيىلىك، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ھايات پائالىيىتى قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

مىكروسكوپ

  • مىكروسكوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ناھايىتى كىچىك جىسىملارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ئوپتىك ئەسۋاب.

مىكروسېكۇنت

  • مىكروسېكۇنت[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ۋاقىت بىرلىكى، 01-6 سېكۇنتقا تەڭ.

مىكروفارادا

  • مىكروفارادا[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر سىغىمچانلىق بىرلىكى، 1 فارادانىڭ مىليوندىن بىرىگە باراۋەر.

مىكروفوتوگرافىيە

  • مىكروفوتوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گەن<[يەشمىسى:] مىكروسكوپ بىلەن فوتو ئاپپارات بىرلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلما ئارقىلىق مىكروسكوپتا كۆزىتىلگەن نەرسىلەرنىڭ تەسۋىرىنى يورۇقلۇق سەزگۈچى فىليونكىدا سۈرەتكە ئېلىپ، فوتو سۈرەت ياكى كىنو لېنتىسى ئىشلەش ئۇسۇلى.

مىكروفون

  • مىكروفون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋازنى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان ئۈسكۈنە.

مىكروكرىستال

  • مىكروكرىستال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان، ئادەتتە قۇتۇپلانغان يورۇقلۇققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇششاق كرىستاللار.

مىكروكىلىمات

  • مىكروكىلىمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورمان، دالا، سازلىق قاتارلىق كىچىك دائىرىدىكى جايلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقلىم خۇسۇسىيەتلىرى، ئابھاۋا شارائىتى.

مىكروكيۇرىي

  • مىكروكيۇرىي[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق بىرلىكى، بىر مىكروكيۇرىي بىر مىليوندىن بىر كيۇرىيغا تەڭ.

مىكروگېنرى

  • مىكروگېنرى[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىندۇكتىپلىق بىرلىكى، 1 گېنرىنىڭ مىليوندىن بىرىگە تەڭ.

مىكرومېتىر

  • مىكرومېتىر[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مىكروسكوپ ئاستىدا ئۆلچەيدىغان شكالىلىق ئۆلچىگۈچ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مىكرون.

مىكرون

  • مىكرون[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى. بىر مېتىرنىڭ مىليوندىن بىرىگە تەڭ.

مىكروئورگانىزم

  • مىكروئورگانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تېنى ئىنتايىن كىچىك، تۈزۈلۈشى ئاددىي، كۆپىيىشى تېز بىر خىل جانلىقلار. مەسىلەن، باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار.

مىكروئورگانىزملىق

  • مىكروئورگانىزملىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىكرو ئننىزم بىلەن، مىكرو ئورگانىزم ئارقىلىق:[مىسال:] مىكرو ئورگانىزملىق بۇلغىنىش.

مىكروۋات

  • مىكروۋات[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+ئىنگ[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر قۇۋۋىتى بىرلىكى. بىر مىكروۋات بىر مىليوندىن بىر ۋاتقا تەڭ.

مىكروۋولت

  • مىكروۋولت[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توك بېسىمى بىرلىكى. بىر مىكروۋولت بىر مىليوندىن بىر ۋولتقا تەڭ.

مىكروئېلېكترونىكا

  • مىكروئېلېكترونىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكترونىكىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇ قاتتىق جىسىملارنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ مىكرو خاراكتېرىستىكىسىدىن ۋە ئالاھىدە تېخنولوگىيىلەردىن پايدىلىنىپ، قاتتىق جىسىمنىڭ ئىنتايىن كىچىك قىسمىغا بىر خىل ياكى بىرنەچچە خىل ئىقتىدارلىق مۇكەممەل توك يولى ياكى زاپچاسنى ياساپ چىقىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدۇ.

مىكروئېلېمېنت

  • مىكروئېلېمېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەر كالىي، فوسفور، ئازوت قاتارلىق ئېلېمېنتلارنى ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە كېرەك قىلغاندىن باشقا يەنە ئىنتايىن ئاز مىقداردا ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە شۈمۈرگەن بور، ئارسىن، مانگان، مىس، كوبالت ۋە مولبىدىن قاتارلىق ئېلېمېنتلار.

مىكوپلازما

  • مىكوپلازما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىكرو ئورگانىزم، باكتېرىيىدىن كىچىك بولۇپ، ھۈجەيرە دىۋارى بولمايدۇ. شەكلى شارسىمان ياكى يىپسىمان كېلىدۇ، مۇستەقىل ياشىيالايدۇ. ئادەتتە ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ نەپەس، سۈيدۈك ۋە جىنسىي يوللىرىدا پارازىت ياشاپ، ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مىكولوگىيە

  • مىكولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىئولوگىيىنىڭ زەمبۇرۇغلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

مىكىر (مىكرى)

  • مىكىر (مىكرى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قۇۋلۇق-شۇملۇق، ھىيلە، نەيرەڭ:[مىسال:] سىزنىڭ مېنى ئالداپ، بەرگەن ۋەدىلىرىڭىز، تۆككەن ياشلىرىڭىز، بەس، بۇ ھىيلىلەر، بۇ مىكىرلەر سىزدىن باشقا كىمدىن تېپىلسۇن

مىكىرلىك

  • مىكىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىكرى بار، ھىيلىسى تولا، نەيرىڭى كۆپ.

مىكى-مىكى

  • مىكى-مىكى[يەشمىسى:] ئېنىق ئەمەس، ئىشەنچىسىز، مۈجمەل:[مىسال:] مىكى-مىكى گەپ.

مىگماتىت

  • مىگماتىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئارىلىشىپ جىنسلىشىشتىن شەكىللەنگەن خىلمۇخىل جىنسلار.

مىڭ

  • مىڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] يۈزنىڭ ئون قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان:[مىسال:] مىڭ يۈەن پۇل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ؛ بەك كۆپ:[مىسال:] مىڭ ياخشى. مىڭ ئەلا.

مىڭ بالادا

  • مىڭ بالادا[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ مۇشەققەتتە؛ ناھايىتى تەستە، ئاران دېگەندە:[مىسال:] مىڭ بالادا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇم.

مىڭ بىر

  • مىڭ بىر[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، ئىنتايىن كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] ئۇ تەڭرىگە مىڭ بىر نالە-زارە قىلىپ تەڭرىدىن كەچۈرۈم سورىدى. * ئۇنىڭ كۆڭلىدىن مىڭ بىر خىياللار كېچىپ كەتتى.

مىڭ پاتمان

  • مىڭ پاتمان[يەشمىسى:] ناھايىتى ئېغىر:[مىسال:] يانچۇقۇمدىكى تاغامنىڭ قىزىغا ئاتاپ ئېلىپ ماڭغان مەكتەپ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى خۇددى مىڭ پاتمان تۈگمەن تېشىدەك تۆۋەنگە بېسىشقا باشلىدى.

مىڭ پارە بولماق

  • مىڭ پارە بولماق[يەشمىسى:] ① پارە-پارە بولماق، پاچاقلىنىپ كەتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چەكسىز ئازابلانماق، ئازاب-ئوقۇبەتكە تولماق:[مىسال:] تىل دېگەن بىر كۆۋرۈك، چىقتى بۇ سۆزلەر ئەلەمدىن مىڭ پارە بولغان دىلدىن.

مىڭ پۇشايمان قىلماق

  • مىڭ پۇشايمان قىلماق[يەشمىسى:] ئىنتايىن قاتتىق ئۆكۈنمەك:[مىسال:] يىراق يەردىن كېلىپ ئوقۇغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم.

مىڭ تەستە

  • مىڭ تەستە[يەشمىسى:] جىق قىينىلىپ، كۆپ جاپا تارتىپ، ئاران دېگەندە:[مىسال:] ئۇ ئالىمنى مىڭ تەستە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ۋاھاپ كاسكاسقا قارىدى.

مىڭ توۋا

  • مىڭ توۋا[يەشمىسى:] پەندىيات:[مىسال:] پۇشايمان ۋە ھەسرەت ئەمدى مىڭ توۋا، ئەي دوستۇم توۋامغا سەن ئۆزۈڭ گۇۋاھ.

مىڭ جاپادا

  • مىڭ جاپادا[يەشمىسى:] ناھايىتى تەستە:[مىسال:] مۈلكى ئىدىم دۆلەتنىڭ، مىڭ جاپادا ياسالغان، ناكار بولۇپ قالدىممەن، خورلۇق تارتىپ ئۇپراپ جان.

مىڭ رازى

  • مىڭ رازى[يەشمىسى:] ئارمان يوق، پۈتۈنلەي رازى:[مىسال:] كەتسىمۇ مىڭ رازى بىز، ۋەتەن ئۈچۈن ياش جېنىمىز.

مىڭ رەھمەت

  • مىڭ رەھمەت[يەشمىسى:] كۆپتىن كۆپ رەھمەت، تەشەككۈر:[مىسال:] ئىشنى ئادىل قىلىدىغان ئادەمنى تاللىغان ھۆكۈمەتكە مىڭ رەھمەت.

مىڭ قەتلە شۈكۈر

  • مىڭ قەتلە شۈكۈر[يەشمىسى:] كۆپتىن كۆپ شۈكۈر، ناھايىتى كۆپ شۈكۈر:[مىسال:] خۇدانىڭ نېسىۋىسى مۇشۇ بولسا، بۇنىڭغىمۇ مىڭ قەتلە شۈكۈر.

مىڭ قىلسىمۇ

  • مىڭ قىلسىمۇ[يەشمىسى:] ھەرقانچە قىلسىمۇ، ھەرنېمە دېگەنبىلەن:[مىسال:] مىڭ قىلسىمۇ، سىلى بىلەن بىز ئۇرۇق-تۇغقان، ئىشنىڭ ئوڭ تەتۈرى ئايرىلىپ بولغۇچە، مېنىڭ بۇ ئۆيگە كىرگىنىمنى زەيتۇنقىز بىلەن ھامۇتئاخۇن بىلمىسۇن.

مىڭ قىلغان بىلەن

  • مىڭ قىلغان بىلەن[يەشمىسى:] ھەرقانچە قىلغان بىلەن:[مىسال:] ئەگەر ئۇنى تېپىپ، كۈرەگە جۆنەتسىڭىز، مىڭ قىلغان بىلەنمۇ سىز چىنمۇدەننى ئالالمايسىز.

مىڭلار خانىسى

  • مىڭلار خانىسى[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] پۈتۈن ساننىڭ بىر خانىسى، يەنى بىرلەر خانىسىدىن باشلاپ سولغا قاراپ سانىغاندىكى ئۈچىنچى خانە.

مىڭ مەرتىۋە

  • مىڭ مەرتىۋە[يەشمىسى:] ① قايتا-قايتا، كۆپ قېتىم تەكرار-تەكرار:[مىسال:] بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا مىڭ مەرتىۋە ئېيتقان بولساممۇ زادىلا پەرۋا قىلمىدى.[يەشمىسى:] ② تولۇق، پۈتۈنلەي، كۆپ:[مىسال:] سېنىڭ گەپلىرىڭگىغۇ مىڭ مەرتىۋە ئىشىنىمەن، دېدى ئۇ سەل دېلىغۇل بولغان ھالدا. * بىر قاراپلا قويساڭ، مىڭ مەرتىۋە رازى بولىمەن.

مىڭ مۇشەققەتتە

  • مىڭ مۇشەققەتتە[يەشمىسى:] ناھايىتى تەستە:[مىسال:] موماي مىڭ مۇشەققەتتە جۇۋىنى كىيىپ نەۋرىسىنى ئورىدى.

مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلمەك

  • مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلمەك[يەشمىسى:] جەبىر-جاپالار، دەرد-ئەلەملەر دەستىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق:[مىسال:] ئالتۇنچىلارنىڭ ئامان قالغانلىرى مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ يازغا ئاران ئۇلىشىۋالدى.

مىڭئاياغ

  • مىڭئاياغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىڭ+ئاياغ[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. تېنى يۇمىلاق، نۇرغۇنلىغان بوغۇمدىن تەشكىل تاپقان، 1-، 2-، 3-، 4-ۋە ئاخىرقى بوغۇملىرىدىن باشقا بوغۇملىرىدا ئىككى جۈپتىن پۇتى بولىدۇ. بېشىدا بىر جۈپ قىسقا سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى بار. دۈمبىسىدە سارغۇچ قارا رەڭلىك ھالقىسىمان سىزىقى بار. تەسكەيدىكى نەم ئورۇندا ياشايدۇ. پۇراق بېزى بار. كېچىدە چىقىپ ئوت يىلتىزى ۋە چىرىندىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

مىڭەر

  • مىڭەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۈتۈن بەدەن، ئۈگە-ئۈگىلەر.

مىڭپېلەك

  • مىڭپېلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىڭ+پېلەك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئەۋرىشىم غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى كونۇسسىمان گۈل رېتىدە بولۇپ، تۇتۇق سۆسۈن كېلىدۇ. مېۋىسى چوكا مېۋە، غولى دورا قىلىنىدۇ، تالاسىدىن قەغەز ياسىلىدۇ.

مىڭدىۋانە

  • مىڭدىۋانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىڭ+دىۋانە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چەيزە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى تۈگۈنچە شەكىللىك، قارا كۈل رەڭ بولىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇن، ئېللىپس شەكىلدە، غولى سۆسۈن سېرىق رەڭلىك، مېۋىسى غوزا مېۋە، زەھەرلىك. ئۇرۇقى، يىلتىزى، غولى ۋە يوپۇرماقلىرى دورا قىلىنىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش، تىنىچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.

مىڭقېتى

  • مىڭقېتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىڭ+قات+ى[[يەشمىسى:] «توققۇزتونلۇق»قا قاراڭ.

مىڭگەن

  • مىڭگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كورا.

مىڭلاپ

  • مىڭلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەچچە مىڭغا يەتكەن، نەچچە-نەچچە مىڭ، ناھايىتى نۇرغۇن:[مىسال:] بۇ ھەيۋەتلىك تاغقا مىڭلاپ كۆزلەر تىكىلگەنىدى.

مىڭلاپ-مىڭلاپ

  • مىڭلاپ-مىڭلاپ[يەشمىسى:] «مىڭلاپ»[يەشمىسى:] سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] مىڭلاپ-مىڭلاپ دانلار قېنى ئۈجمىنىڭ شېخىدا ئولتۇرغان مۇشۇ كاساپەتلەر يەپ كەتتى-دە.

مىڭلارچە

  • مىڭلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەچچە مىڭغا يېتىدىغان، مىڭلىغان، ناھايىتى نۇرغۇن:[مىسال:] ماڭا بەرگەن ئىلھاملىرىغا مىڭلارچە تەشەككۈر.

مىڭلىغان

  • مىڭلىغان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەچچە مىڭغا يېتىدىغان، ناھايىتى نۇرغۇن:[مىسال:] — ياق، سېنىڭ ئاۋازىڭ مىڭلىغان ئاۋازلار ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.

مىڭلىق

  • مىڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «مىڭ» سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن؛ «مىڭ» نى بىلدۈرىدىغان:[مىسال:] مىڭلىق ئۈلۈشلەر خانىسى.

مىڭۋېگى

  • مىڭۋېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىڭ+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] فېئوداللىق كونا جەمئىيەتتە يېزىلاردىكى مىڭ ئائىلىنى باشقۇرغۇچى يەرلىك ئەمەلدار:[مىسال:] بىركۈنى ئەپەندىمنىڭ ھويلىسىغا مىڭۋېگى كىرىپتىكەن، دەررۇ كالتەككە كىرىپ كېتىپتۇ.

مىڭئۆي

  • مىڭئۆي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىڭ+ئۆي[[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمدە تاغ ياكى يارلىقلارنى تېشىپ ياسالغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرى.

مىڭيوپۇرماق

  • مىڭيوپۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىڭ+يوپۇرماق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار. غول، يوپۇرمىقىدىن پۇراقلىق ماتېرىيال ئېلىنىدۇ.

مىلⅠ

  • مىلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىنگلىز سىستېمىسىدىكى ئۆلچەش سىمى (مەسىلەن، مېتال سىم) نىڭ دىئامېتىرىنىڭ بىرلىكى. بىر مىل 00254.0 سانتىمېتىرغا تەڭ.

مىلⅡ

  • مىلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئىنگلىز سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر مىل 609344.1 كىلومېتىرغا تەڭ.

مىلⅢ

  • مىلⅢ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دېڭىز-ئوكيانلار ئۈستىدە ئارىلىقلارنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر مىل ئادەتتە 1852 مېتىرغا تەڭ.

مىلاد

  • مىلاد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.

مىلادىيە

  • مىلادىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان كالېندار.

مىلەتمەك

  • مىلەتمەك[يەشمىسى:] «مىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىلەشتۈرمەك

  • مىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «مىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىلەشمەك

  • مىلەشمەك[يەشمىسى:] «مىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىلەڭزە

  • مىلەڭزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئىشىك پەردىسى:[مىسال:] ناتونۇش بىر كىشى مىلەڭزىنى قايرىپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

مىلەڭزىلىك

  • مىلەڭزىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىلەڭزىسى بار، مىلەڭزە تارتىلغان:[مىسال:] مىلەڭزىلىك ئىشىك.

مىلەنمەك

  • مىلەنمەك[يەشمىسى:] «مىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ماتا كۆڭلەك قانغا مىلىنىپ كەتكەنىدى.

مىلتىق

  • مىلتىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوق ئېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن ئىستوۋۇللۇق قورال:[مىسال:] پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقى. ئوۋ مىلتىقى.

مىلتىق دورىسى

  • مىلتىق دورىسى[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئىسسىق ئۆتكەن ياكى سوقۇلغاندىن كېيىن دەرھال پارچىلىنىدىغان ھەمدە زور مىقىداردا ئېنېرگىيە ۋە يۇقىرى ھارارەتلىك گاز ھاسىل قىلىدىغان ماددا.

مىلتىقسىز

  • مىلتىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىلتىقى يوق، مىلتىق ئاسمىغان:[مىسال:] مىلتىقسىز يۈرگەندە، كېيىك ئۇچراپتۇ (ماقال).

مىلتىقلىق

  • مىلتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىلتىقى بار، مىلتىق تۇتقان، مىلتىق ئاسقان:[مىسال:] مىلتىقلىق ئەسكەر.

مىلجىڭ

  • مىلجىڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان، ئەزمە:[مىسال:] مىلجىڭ ئادەم سۆز بۇزار، قىڭغىر ھارۋا يول بۇزار (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ، ئەزمىنى بەزمە يېڭىدۇ (ماقال).

مىلجىڭلىق

  • مىلجىڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەزمىلىك:[مىسال:] ھەي، مىلجىڭلىق قىلماي تېزرەك ھەيدىسەڭچۇ

مىلجىڭلىماق

  • مىلجىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئالدىرىماي قىلماق، ئەزمىلىك قىلماق:[مىسال:] مىلجىڭلىق قىلماق.

مىللەت

  • مىللەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى.

مىللەتپەرۋەر

  • مىللەتپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆز مىللىتىگە غەمخورلۇق قىلىدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان؛ ھەر دائىم ئۆز مىللىتى تەرىپىدە تۇرىدىغان، ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان:[مىسال:] مىللەتپەرۋەر ئادەم.

مىللەتپەرۋەرلىك

  • مىللەتپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىللەتنى سۆيىدىغان، مىللەتنى قوغدايدىغان ھالەت.

مىللەتچى

  • مىللەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىللەتچىلىك تەرەپدارى، مىللەتچىلىكنى تەرغىب قىلغۇچى كىشى.

مىللەتچىلىك

  • مىللەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بۇرژۇئازىيىنىڭ مىللەتكە بولغان قارىشى ۋە مىللىي مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پروگراممىسى ۋە سىياسىتى. بۇرژۇئازىيە ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى باشقا مىللەتلەر مەنپەئىتى ئۈستىگە قويۇپ، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ئېزىش سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ.

مىللەتشۇناس

  • مىللەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىللەتشۇناسلىق ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم، مىللەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسى.

مىللەتشۇناسلىق

  • مىللەتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھازىرقى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئائىت قانۇنىيەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي پەن.

مىللەتقاراش

  • مىللەتقاراش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىللەت+قاراش[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ مىللەت ۋە مىللىي مەسىلە جەھەتتىكى قارىشى، يەنى دۇنياقاراشنىڭ مىللىي مەسىلىدىكى ئىنكاسى. تۈرلۈك سىنىپلارنىڭ مىللەتقارىشى تۈرلۈكچە بولىدۇ، تۈرلۈك سىنىپىي مەنپەئەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

مىللەتلىك

  • مىللەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىللەتكە ئىگە، مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] دۆلىتىمىز كۆپ مىللەتلىك دۆلەت.

مىللىئامپېر

  • مىللىئامپېر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توكنىڭ كۈچ بىرلىكى. بىر مىللىئامپېر بىر ئامپېرنىڭ مىڭدىن بىرىگە تەڭ.

مىللىبار

  • مىللىبار[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرانىڭ بېسىم بىرلىكى. بىر مىللىبار مىڭدىن بىر بارغا تەڭ.

مىللىسېكۇنت

  • مىللىسېكۇنت[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ۋاقىت بىرلىكى. بىر مىللىسېكۇنت مىڭدىن بىر سېكۇنتقا تەڭ.

مىللىگرام

  • مىللىگرام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى ئېغىرلىق بىرلىكى. بىر مىللىگرام بىر گرامنىڭ مىڭدىن بىرىگە تەڭ.

مىللىلىتىر

  • مىللىلىتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى سىغىم بىرلىكى. 1 مىللىلىتىر 1 لىتىرنىڭ مىڭدىن بىرىگە تەڭ.

مىللىمېتىر

  • مىللىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. 1 مىللىمېتىر 1 مېتىرنىڭ مىڭدىن بىرىگە تەڭ.

مىللىمىكرون

  • مىللىمىكرون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئۇزۇنلق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر مىللىمىكرون بىر مىلياردتىن بىر مېتىرغا تەڭ.

مىللىي

  • مىللىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىر مىللەتكە خاس بولغان:[مىسال:] مىللىي ئەنئەنە. مىللىي خۇسۇسىيەت. مىللىي كۈي.[يەشمىسى:] ② يەرلىك مىللەتكە تەۋە، ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان:[مىسال:] مىللىي كادىر. ∥مىللىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈش.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم بىر دۆلەتكە، مەملىكەتكە تەۋە:[مىسال:] مىللىي دارامەت. مىللىي مەجلىس.

مىللىي ئاپتونومىيە

  • مىللىي ئاپتونومىيە[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان مەلۇم دائىرىدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇشى.

مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى

  • مىللىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى-يەرلىك ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دا، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇندا ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىجرا قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

مىللىيچە

  • مىللىيچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىللىيلارغا ئائىت، مىللىيلارغا خاس:[مىسال:] مىللىيچە كىيىم. مىللىيچە ئۇسسۇل. مىللىيچە ئۆرپ-ئادەت.

مىللىيلاشتۇرماق

  • مىللىيلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مىللىيلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مىللىيلاشتۇرۇش بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى.

مىللىيلاشتۇرۇلماق

  • مىللىيلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مىللىيلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مىللىيلاشماق

  • مىللىيلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يەرلىكلەشمەك، مىللىي تۈسكە، مىللىي پۇراققا ئىگە بولماق.

مىللىيلىك

  • مىللىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىللىي خۇسۇسىيەت، مىللىي ئالاھىدىلىك:[مىسال:] تىل — مىللەتنىڭ خاراكتېرلىك بەلگىلىرىدىن بىرى بولغاچقا، مىللىيلىك ئەڭ ئالدى بىلەن تىلدا ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

مىلىتارىزم

  • مىلىتارىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] تاجاۋۇزچىلىق مەقسىتىدە ھەربىي ھازىرلىقنى غالجىرلىق بىلەن كېڭەيتىپ، دۆلەتنى تامامەن ھەربىي كونتروللۇق ئاستىغا قويىدىغان ئۇرۇشخۇمارلىق ئىدىيىسى، سىياسىتى ياكى تۈزۈمى. ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھالىتى جاھانگىرلىك تارىخىي باسقۇچىدىكى فاشىزمدۇر.

مىلىتارىست

  • مىلىتارىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مىلىتارىزم تەرەپدارى، مىلىتارىزم سىياسىتىنى يۈرگۈزگۈچى.

مىلىتارىستلىق

  • مىلىتارىستلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىلىتارىزمنى تەرغىب قىلىش، مىلىتارىزم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش.

مىلىچ

  • مىلىچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پاتقاق قاتارلىق سۇ تەركىبى كۆپ نەرسىلەرنى دەسسىگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

مىلىچچىدە

  • مىلىچچىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مىلىچ» قىلىپ، «مىلىچ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئەتىيازلىقى، پۈتۈن كوچا-كويلار توڭلاپ ئېرىگەن تاۋۇزدەك مىلىچچىدە بولۇپ كېتىدۇ.

مىلىچلاتماق

  • مىلىچلاتماق[يەشمىسى:] «مىلىچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىلىچلىماق

  • مىلىچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مىلىچ-مىلىچ» قىلماق، «مىلىچ-مىلىچ» بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] مىلىچلاپ كەتكەن يەر يۈزى ئەخلەت-چاۋار بىلەن قاپلاندى.

مىلىچمال

  • مىلىچمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]مىلىچ+مال[[يەشمىسى:] يىپ-يىڭنە، تارغاق، سۈزگۈچ، سوپۇن قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك ماللار:[مىسال:] مەسچىتنىڭ بىقىنىدىكى مىلىچمال دۇكىنىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى.

مىلىچمالچى

  • مىلىچمالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىلىچمال سودىگىرى، مىلىچمال ساتقۇچى.

مىلىق

  • مىلىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ سۈيى چىقىپ بوشاپ، يۇمشاپ كەتكەن ھالىتى.

مىلىق-سىلىق

  • مىلىق-سىلىق[يەشمىسى:] «مىلىق» بولۇپ كەتكەن ۋە ياكى شۇ خىل ھالەتلەر.

مىلىققىدە

  • مىلىققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «مىلىق» قىلىپ، «مىلىق» قىلغان ھالدا:[مىسال:] يۇمشاپ مىلىققىدە بولۇپ قالماق.

مىلىقلىماق

  • مىلىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇمشاپ كەتمەك، بوشاپ كەتمەك.

مىلىق-مىلىق

  • مىلىق-مىلىق[يەشمىسى:] «مىلىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قازاندىكى گۆش پىشىپ، مىلىق-مىلىق بولۇپ كەتكەنىكەن.

مىلىك

  • مىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چىش يىلتىزى ئورۇنلاشقان گۆش.

مىلىمەك

  • مىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى ئۇۋاق، بوتقىسىمان نەرسىلەرگە تەگكۈزمەك، تىقماق، سۈركىمەك، يېپىشتۇرماق:[مىسال:] مىلەپ يېگەن مېھماندىن قورق (ماقال). * موللام مىس سىياھداندىكى قويۇق قارا سىياھقا قومۇش قەلەمنى مىلەپ خەت يېزىۋاتاتتى.

مىليارد

  • مىليارد[سۆز تۈركۈمى:] سان.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] يۈز مىليوننىڭ ئون قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان.

مىليون

  • مىليون[سۆز تۈركۈمى:] سان.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] يۈز مىڭنىڭ ئون قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان.

مىليونلاپ

  • مىليونلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مىليونلارچە، مىليون-مىليون، نۇرغۇنلىغان، سان-ساناقسىز:[مىسال:] مىليونلاپ ئىزباسارلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن نەپەستىن توختىغۇچە ئىشلەش كېرەك.

مىليونلارچە

  • مىليونلارچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى نۇرغۇن، كۆپ، جىق، تولا.

مىليونلىغان

  • مىليونلىغان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۇرغۇنلىغان، كۆپلىگەن:[مىسال:] مىليونلىغان كىشىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولمىسا، ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

مىليونېر

  • مىليونېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] مىليون بىلەن ھېسابلانغان بايلىققا ئىگە كىشى.

مىمىكا

  • مىمىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] ① ھېس-تۇيغۇ، ئىچكى كەيپىيات قاتارلىقلارنى ئىپادىلىگۈچى يۈز مۇسكۇللىرى ھەرىكىتى:[مىسال:] پىكىرنى مىمىكا ئارقىلىق ئىپادىلەش.[يەشمىسى:] ② ھېس-تۇيغۇ ۋە كەيپىياتلارنى يۈز مۇسكۇللىرى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەش سەنئىتى:[مىسال:] مىمىكىغا ئۇستا ئارتىس.

مىنا

  • مىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بىر خىل پارتلىتىش قورالى.

مىنالاتماق

  • مىنالاتماق[يەشمىسى:] «مىنالىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىنالاشتۇرماق

  • مىنالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «مىنالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىنالاشتۇرۇلماق

  • مىنالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «مىنالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مىنالاشماق

  • مىنالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «مىنالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② مىنا كۆمۈلمەك ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلماق.

مىنالانماق

  • مىنالانماق[يەشمىسى:] «مىنالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مىنالىماق

  • مىنالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىنا كۆممەك، مىنا ئورناتماق:[مىسال:] ھەممە يەرنى مىنالاپ بولدۇق، تېز چېكىنەيلى.

مىناميوت

  • مىناميوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] زەمبىرەك ئوقى ئاغزىدىن قاچىلىنىدىغان، ئەگرى لىنىيە بويىچە ئېتىش ئاساس قىلىنىدىغان بىر خىل زەمبىرەك.

مىناميوتچى

  • مىناميوتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىناميوت ئاتىدىغان ئەسكەر.

مىندۈرمەك

  • مىندۈرمەك[يەشمىسى:] «مىنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەنجى ئوغۇل ئانىسىنى مىندۈرگەن قېچىرنى باينىڭ خامىنىغا ھەيدەپ قويۇپتۇ.

مىنگەشتۈرمەك

  • مىنگەشتۈرمەك[يەشمىسى:] ① «مىنگەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سەمەت ئاتنىڭ ئالدى-ئارقىغا ئىككى بالىنى مىنگەشتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② ئارتىلدۇرماق، ئالماشتۇرماق (پۇت ھەققىدە):[مىسال:] مەمەت ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پۇتلىرىنى مىنگەشتۈردى.

مىنگەشتۈرۈلمەك

  • مىنگەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «مىنگەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

مىنگەشمەك

  • مىنگەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغ، ۋېلىسىپىت، موتسىكلىت قاتارلىقلارغا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مىنمەك؛ مىنگەن ياكى ئۇنىڭغا يېقىن ھالەتتە ئولتۇرماق:[مىسال:] ئات كەينىگە مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن ئۈندىمە (ماقال). * ئەپەندىم ئوغلى بىلەن بىر ئېشەككە مىنگىشىپ بازارغا بېرىپتۇ.

مىنگو

  • مىنگو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] جۇڭخۇا مىنگو، يەنى مەملىكىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى 1912-يىلدىن تارتىپ، 1949-يىلىغىچە بولغان مەلۇم دەۋرى.

مىنمەك

  • مىنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە (كۆپىنچە ئات-ئۇلاغ، ۋېلىسىپىت، مۇتسىكلىت قاتارلىقلارغا) ئىككى پۇتىنى ئىككى ياققا ساڭگىلىتىپ ئولتۇرماق:[مىسال:] ئاتقا مىنمەك. ۋېلىسىپىتكە مىنمەك.

مىننەت

  • مىننەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىلغان ياخشىلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش، داملاش، يۈزىگە سېلىش ياكى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش:[مىسال:] مىننەت قىلماق. * مېھنەتتىن قاچما، مىننەتتىن قاچ (ماقال).

مىننەتخور

  • مىننەتخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قىلغان ئىشى ئۈچۈن مىننەت قىلىدىغان، مىننەت قىلىشقا ئامراق:[مىسال:] ئۇ چىغرىقى غىچىرلاپ ئايلىنىۋاتقان قۇدۇق بېشىغا توپلىشىپ، مىننەتخور تەقسىماتچى بۆلۈپ بېرىۋاتقان سۇنى ئېلىۋاتقانلارغا قىزىقىش بىلەن قاراپ تۇراتتى.

مىننەتدار

  • مىننەتدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ۋە خىزمەتلىرىدىن رازى ۋە مەمنۇن:[مىسال:] بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ياغاچچىدىن ناھايىتى مىننەتدار بولۇپ كېتىپتۇ.

مىننەتدارلىق

  • مىننەتدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىننەتدار بولۇش، رازى بولۇش:[مىسال:] ئېلى مىننەتدارلىق بىلەن ئۇنىڭ قوللىرىنى سىقتى.

مىننەتسىز

  • مىننەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىننىتى يوق، مىننەت قىلماي:[مىسال:] مىننەتسىز ئىش.

مىننەتلىك

  • مىننەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مىننىتى بار، مىننەت قىلىنغان:[مىسال:] ئىشلەپ يېگەن لەززەتلىك، تىلەپ يېگەن مىننەتلىك (ماقال).

مىنۇت

  • مىنۇت[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بىر سائەتنىڭ ئاتمىشتىن بىر ئۈلۈشىگە تەڭ بولغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى؛ دەقىقە:[مىسال:] بەش مىنۇتتىن كېيىن ئايروپىلان يەرگە قوندى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر گرادۇسنىڭ ئاتمىشتىن بىر ئۈلۈشىگە تەڭ بولغان ياي ياكى بۇلۇڭ ئۆلچەم بىرلىكى (ئادەتتە رەقەمنىڭ ئوڭ تەرىپىنىڭ ئۈستۈنكى بولۇڭىغا قويۇلىدۇ). بەلگىسى «′»:[مىسال:] بۇ بۇلۇڭ60° 30′ ئىكەن.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] بىر گرادۇسنىڭ ئاتمىشتىن بىر ئۈلۈشىگە تەڭ بولغان كەڭلىك ياكى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى (بەلگىسى يۇقىرىقىغا ئوخشاش).[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىسقا مۇددەت؛ بىردەم، بىرئاز:[مىسال:] بىر مىنۇت ساقلاڭ. * ئۇ بىر مىنۇتمۇ تۇرمىدى.

مىنۇت-سېكۇنت

  • مىنۇت-سېكۇنت[يەشمىسى:] ① مىنۇت ۋە سېكۇنت:[مىسال:] ئۇ ئۆگىنىشتە ئەلاچى بولۇپ مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قەدىرلەيتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئازغىنا، قىسقىغىنە:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى مىنۇت-سېكۇنت ۋاقىتنىمۇ قەدىرلىگەنلىكىدە.

مىنۇتلۇق

  • مىنۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەلۇم مىنۇت كېتىدىغان، مەلۇم مىنۇتتا بولىدىغان:[مىسال:] 15 مىنۇتلۇق ئىش.[يەشمىسى:] ② قىسقىغىنە ۋاقىتتا، بىردەمدە بولىدىغان:[مىسال:] ۋۇي ئاكا، بۇ نەچچە مىنۇتلۇق ئىشقۇ، نېمانچە قىلىسىز ئەمدى

مىنۇس

  • مىنۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئېلىش بەلگىسى (-) نىڭ نامى.[يەشمىسى:] ② مىقدارنىڭ مەنپىيلىكىنى ياكى تېمپېراتۇرىنىڭ نۆلدىن تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز:[مىسال:] مىنۇس 20. مىنۇس 30.

مىنېرال

  • مىنېرال[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر پوستىدا ساقلانغان تەبىئىي بىرىكمىلەر ۋە ئاز ساندىكى تەبىئىي ئېلېمېنتلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەبىئىي خىمىيىلىك بىرىكمە ياكى ئېلېمېنتلارغا ئائىت، شۇنداق ئېلېمېنت ياكى بىرىكمىلەردىن ئىبارەت بولغان، تەركىبىدە شۇنداق ئېلېمېنت ياكى بىرىكمىلەر بار:[مىسال:] مىنېرال تۇز. مىنېرال سۇ. مىنېرال ئوغۇت.

مىنېرال بۇلاق

  • مىنېرال بۇلاق[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈيىدە كۆپ مىقداردا مىنېرال ماددىلار ئېرىگەن بۇلاقلار. بۇنداق بۇلاقلارنىڭ ھەممىسى ئارىشاڭلاردۇر. مىنېرال بۇلاقلارنىڭ تۇزلۇق بۇلاق، تۆمۈرلۈك بۇلاق، گۈڭگۈرتلۈك بۇلاق قاتارلىق تۈرلىرى بار. بەزى مىنېرال بۇلاقلاردىن كېسەل داۋالاشتا پايدىلانغىلى بولىدۇ.

مىنېرال پاختا

  • مىنېرال پاختا[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رۇدا ۋە كان داشقاللىرىدىن ئىشلەنگەن تالالىق ماتېرىيال. ئىسسىققا چىداملىق. سوغۇق، ئىسسىق ۋە ئاۋازنى توسۇش خۇسۇسىيىتى ياخشى بولغاچقا، سانائەت ۋە قۇرۇلۇشلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

مىنېراللاندۇرماق

  • مىنېراللاندۇرماق[يەشمىسى:] «مىنېراللانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىنېراللانماق

  • مىنېراللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىنېرال ماددىلارنى ئۆز تەركىبىگە قوشۇۋالماق.

مىنېراللىق

  • مىنېراللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار بولغان:[مىسال:] مىنېراللىق بۇلاق. مىنېراللىق كۆل.

مىنېرالوگرافىيە

  • مىنېرالوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] رۇدىلارنى مىنېرالوگرافىيىلىك مىكروسكوپتا تەتقىق قىلىدىغان پەن.

مىنېرالوگىيە

  • مىنېرالوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىنېرالنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى، ئىچكى قۇرۇلمىسى، ھالىتى، خۇسۇسىيىتى، ھاسىل بولۇش سەۋەبى، يېتىش ھالىتى، ئورتاق ھاسىل بولۇپ بىرىكىشى، ئۆزگىرىش شارائىتى، ئىشلىتىلىشى ھەم ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

مىنىبۇس

  • مىنىبۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]فرانسوزچە[[يەشمىسى:] كىچىك ئاپتوبۇس.

مىنىستىر

  • مىنىستىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] مىنىستىرلىقتا رەھبەرلىك قىلغۇچى ھۆكۈمەت خادىمى.

مىنىستىرلىق

  • مىنىستىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ساھەلەر بويىچە بۆلۈنگەن ۋە مىنىستىر باشچىلىقىدىكى ئورگىنى.[يەشمىسى:] ② مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئىشى.

مىنىشلىك

  • مىنىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەخسۇس مىنىدىغان، مىنىشكە ئەپلىك، مىنسە ئادەم ھۇزۇرلىنىدىغان:[مىسال:] مىنىشلىك ئات.

مىنىشمەك

  • مىنىشمەك[يەشمىسى:] «مىنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تاڭ ئاتقاندىن كېيىن، ئىككىسى ئاتلىرىغا مىنىشىپ قەسىرگە كېتىپتۇ.

مىنىمۇم

  • مىنىمۇم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] دەرىجە ۋە قىممەت جەھەتتە ئەڭ ئاز، ئەڭ كىچىك:[مىسال:] مىنىمۇم دەرىجە. مىنىمۇم قىممەت.

مىنىمېتىر

  • مىنىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] زىللىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر خىل ئۆلچەش ئەسۋابى. ئىسترېلكا ۋە سائەت تەخسىسىدىن تۈزۈلىدۇ. پىشاڭنىڭ پرىنسىپى بويىچە ئىشلەيدۇ. زىللىق دەرىجىسى 01.0 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ.

مىھلىيا

  • مىھلىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «مىھلىيا چاتقىلى»غا قاراڭ.

مىھلىيا چاتقىلى

  • مىھلىيا چاتقىلى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ماگنولوگىيە ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تېرىلەشكەن، سوقىچاق ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك. گۈلى يالغۇز، تولۇق ئېچىلمايدۇ، رەڭگى سېرىق، سۆسۈن قىزىل، خۇشبۇي پۇراقلىق، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى. ئۇنىڭدىن پۇراقلىق ماي ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ، ئادەتتە پەمىل چايغا ئارىلاشتۇرۇپ چاينىڭ پۇرىقىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

مىياڭ

  • مىياڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مۈشۈكنىڭ مىياڭلىغاندا چىقىدىغان ئاۋازى.

مىياڭلاتماق

  • مىياڭلاتماق[يەشمىسى:] «مىياڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

مىياڭلاشماق

  • مىياڭلاشماق[يەشمىسى:] «مىياڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

مىياڭلىماق

  • مىياڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مىياڭ قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، مىياڭ قىلماق (مۈشۈك ھەققىدە).

مىياڭ-مىياڭ

  • مىياڭ-مىياڭ[يەشمىسى:] «مىياڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

مىيانە

  • مىيانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① يامان.[يەشمىسى:] ② يېقىمسىز، كۆرۈمسىز.

مىيانباز

  • مىيانباز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تامدىن بۆرتۈپ چىققان تۈز تەكچە.

مىياندۈك

  • مىياندۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرۇمچاقنىڭ تۆمۈر يىككە ئورنىتىلغان كىچىك غالتىكى.

مىيانسال

  • مىيانسال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇلۇق ھەم يوغان كۆك شاپتۇل.

مىياۋلاشماق

  • مىياۋلاشماق[يەشمىسى:] «مىياۋلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئايۋىنىڭدا ئاسلانلار، مىياۋلىشىپ يىغلايدۇ.

مىياۋلىماق

  • مىياۋلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «مىياۋ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، مىياڭلىماق:[مىسال:] ئۆي خۇددى گۆردەك جىمجىت بولۇپ، پەقەت ئاچ قالغان مۈشۈكلا مىياۋلايتتى.

مىياۋ-مىياۋ

  • مىياۋ-مىياۋ[يەشمىسى:] «مىياۋ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

مىيۇ

  • مىيۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «مىيۇ بېلىقى»غا قاراڭ.

مىيۇ بېلىقى

  • مىيۇ بېلىقى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تېنى ئۇزۇن، سەل ياپىلاق، رەڭگى قوڭۇر، ئېغىزى چوڭ ھەم سەل يانتۇ، قۇيرۇق ئۈزگۈچىسى قوزۇق شەكلىدە كېلىدۇ. دېڭىزدا ياشايدۇ.

مىيۇئون

  • مىيۇئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] لېپتونلارنىڭ بىر خىلى. ئۇ مۇسبەت زەرەتلىكلەر ۋە مەنپىي زەرەتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زەرەت مىقدارى ئېلېكتروننىڭكى بىلەن ئوخشاش، ماسسىسى ئېلېكترون ماسسىسىنىڭ 207 ھەسسىسىگە تەڭ.

مىيىق

  • مىيىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىزنىڭ بۇرجىكى:[مىسال:] مىيىقىدا كۈلمەك.

مياۋزۇ

  • مياۋزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ گۇيجۇ، خۇنەن، يۈننەن گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇاڭدۇڭ، خۇبىي قاتارلىق ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. چەت ئەللەردىن يەنە ۋيېتنام، لائوسلاردىمۇ مياۋزۇلار بار.

مياۋزۇچە

  • مياۋزۇچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مياۋزۇ خەلقىگە، ئۇنىڭ تىل-يېزىقى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] مياۋزۇچە ئۇسسۇل. مياۋزۇچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مياۋزۇ تىلى:[مىسال:] ئۇ مىياۋزۇچىنى ناھايىتى ياخشى سۆزلەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مىياۋزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىپ، مياۋزۇ تىلىدا:[مىسال:] مياۋزۇچە سۆزلىمەك.