ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

16 ف🔗

ف

فا

فابرىكا

فابرىكانت

فابى

فارادا

فارفۇر

فارماكوپىيە

فارېنگېيت

فارېنگېيت تېرمومېتىرى

فارېنگېيت تېمپېراتۇرا شكالىسى

فازا

فازىلىق

فاسسىئولا

فاشىزم

فاشىزمچى

فاشىست

فاشىستلارچە

فاشىستلاشماق

فاشىستلىق

فاكتور

فاكۇلتېت

فاگاۋ

فاگوت

فاڭجېن

فامىلە

فامىلىلىك

فانتازىيە

فانتازىيىلىك

فەرد

فتور

فتورلۇق

فرازېئولوگىيە

فرازېئولوگىيلىك

فرانسۇز

فرانسۇز تىلى

فرانسۇزچە

فرانسىي

فرانك

فرونت

فرۇكتوزا

فلاگېللار

فلانگې

فلانگې تەخسە

فلانېل

فلوت

فلورېن

فلورىن

فلېيتا

فوتو

فوتو ئاپپارات

فوتو باسما

فوتو تېلېگراف

فوتو تېلېگرامما

فوتو سۈرەت

فوتوسىنتېز

فوتوگراف

فوتوگرافىيە

فوتومېتىر

فوتون

فورما

فورمات

فورماتسىيە

فورمال

فورمال لوگىكا

فورمالدېگىد

فورمالىزم

فورمالىزمچى

فورمالىن

فورمۇلا

فورمۇلىلاشتۇرماق

فورمۇلىلاشتۇرۇلماق

فورمۇلىلاشماق

فورمىئات

فورمىئات كىسلاتا

فورېنت

فوسفات

فوسفات كىسلاتا

فوسفاتلار

فوسفاتلىق

فوسفاتلىق ماي

فوسفور

فوسفورلۇق

فوسفورىت

فوسفىن

فوسگېن

فوكستروت

فوكۇسⅠ

فوكۇس ئارىلىقى

فوكۇسⅡ

فولكلور

فونتان (فونتانى)

فونتانگۈل

فونتانلىق

فوندⅠ

فوندⅡ

فوندستېرلىڭ

فونوگراف

فونوگرافىيە

فونولوگىيە

فونولىت

فونون

فونېتىكا

فونېتىكىلىق

فونېما

فونىزم

فۇداۋ (فۇداۋى)

فۇداۋيۈەن

فۇراتسىلىن

فۇران

فۇرفۇرۇل

فۇگا

فۇگۈەن

فۇلمىنات

فۇلمىنات كىسلاتا

فۇنكسىئونال

فۇنكسىيە

فۇنكسىيىلىك

فېتىشىزم

فېدېراتسىيە

فېدراتىپ

فېرما

فېرمېنت

فېرمى

فېرمىئون

فېرمىي

فېستىۋال

فېشىر

فېشىر سۈتلۈكئوتى

فېلدشېر

فېلدشېرلىق

فېليەتون

فېليەتونچى

فېنانترېن

فېندۈي

فېنول

فېنولفتالېئىن

فېنولوگىيە

فېنىلئامىن

فېنىلئېتىلىن

فېئودال

فېئوداللىق

فېئوداللىق جەمئىيەت

فېئودالىزم

فېۋرال

فىرۇزە

فىزىك

فىزىكا

فىزىكىلىق

فىزىكىلىق مىقدار

فىزىكىلىق ئۆزگىرىش

فىزىئولوگ

فىزىئولوگىيە

فىزىئولوگىيىلىك

فىكۇس

فىگۇرا

فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش

فىگۇرا كانكىسى

فىلادېلفۇن

فىلتىر

فىلتىرلاتماق

فىلتىرلانماق

فىلتىرلىماق

فىللىت

فىلولوگ

فىلولوگىيە

فىلىم

فىليۇگېر

فىليۇئورىت

فىن

فىنچە

فىنىك

فىنىك ئېلىپبەسى

ئىزاھى

ف

  • ف[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئون ئالتىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئون ئالتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مەنە پەرقلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولمىغان تاۋۇش.

  • «ف» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ف»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ف»، باش ۋە ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ف»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ف»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «فې» دۇر.

  • «ف» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن چىش-كالپۇك تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

  • «ف» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنغان ئەسلىدە «ف» تاۋۇشى بىلەن يېزىلغان بىر قىسىم سۆزلەر تەلەپپۇزدا ئومۇمەن «پ» تەلەپپۇز قىلىنغاچقا، يېزىقتىمۇ «پ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئەسلىسى ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • تەكلىف تەكلىپ تەكلىپ

  • شىكاف ئىشكاپ ئىشكاپ

  • دەفتەر دەپتەر دەپتەر

  • فەرمان پەرمان پەرمان

  • 2. رۇس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان فامىلىلەردىكى «وۋ، ئېۋ، يېۋ» قوشۇمچىلىرىدىكى «ۋ» تاۋۇشى «ف» بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

  • تۈرگېنېف، ئوسمانوف…

فا

  • فا[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكا گاممىسىنىڭ 4-تاۋۇشى ۋە ئۇنىڭ نوتا بەلگىسى.

فابرىكا

  • فابرىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] خام ئەشيادىن توقۇلما مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان سانائەت كارخانىسى:[مىسال:] فابرىكا ئىشچىسى. توقۇمىچىلىق فابرىكىسى.

فابرىكانت

  • فابرىكانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] فابرىكا خوجايىنى، فابرىكا ئىگىسى.

فابى

  • فابى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئېلىمىزدە 1935-يىلىدىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان قەغەز پۇل.

فارادا

  • فارادا[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر سىغىمى بىرلىكى. بىردانە كوندېنساتورغا بىر كۇلۇن زەرەت قاچىلانغاندا، ئېلېكتر پوتېنسىئالى بىر ۋولت ئۆرلەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېلېكتر سىغىمى بىر فارادا بولىدۇ. ئەمەلىي ئىشلىتىشتە، ھەمىشە [SX(]1[]0000001[SX)]فارادا (مىكرو فارادا)ياكى تېخىمۇ كىچىك بىرلىك قوللىنىلىدۇ. بۇ نام ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى فارادىي(Michael Faraday)نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن.

فارفۇر

  • فارفۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گاۋلىڭ توپىسى قاتارلىقلارنى قىزدۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان ماتېرىيال. قاتتىق ۋە چۈرۈك، ئاق ياكى سېرىق كېلىدۇ، ساپالغا قارىغاندا سىلىقراق بولىدۇ:[مىسال:] فارفۇر خىش. فارفۇر بۇيۇملار.

فارماكوپىيە

  • فارماكوپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەمدە دورىلارنىڭ نامى، خاراكتېرى، شەكلى، تەركىبى، ئىشلىتىش مىقدارى ۋە تەڭشەش، ساقلاش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن كىتاب، قامۇس.

فارېنگېيت

  • فارېنگېيت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى(Gabriel daniel fahrenheit) نىڭ نامى. ئۇ فارېنگېيت تېمپېراتۇرا شكالىسىنى كەشىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل شكالا ياكى تېرمومېتىرمۇ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

فارېنگېيت تېرمومېتىرى

  • فارېنگېيت تېرمومېتىرى[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] تېرمومېتىرنىڭ بىر خىلى. ئۇنىڭدا فرېنگېيت تېمپېراتۇرا شكالىسى قوللىنىلىدۇ.

فارېنگېيت تېمپېراتۇرا شكالىسى

  • فارېنگېيت تېمپېراتۇرا شكالىسى[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] فارېنگېيت تېرمومېتىرىدا قوللىنىلىدىغان ھەمدە ئاتموسفېرا بېسىمى ئاستىدا سۇنىڭ مۇزلاش نۇقتىسى 32 گرادۇس، قايناش نۇقتىسى 212 گرادۇس قىلىپ بەلگىلەنگەن بىر خىل شكالا، ئۇ جەمئىي 180 تەڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر بۆلەك بىر گرادۇسقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ شكالا ئادەتتە «F»ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ.

فازا

  • فازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆزگىرىشچان ئېلېكتر يولىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، مەسىلەن، ئۈچ فازىلىق ئۆزگىرىشچان توك گېنېراتورىنىڭ ئۈچ دانە ئورامى بولۇپ، ھەربىر ئورام بىر فازا دېيىلىدۇ.

فازىلىق

  • فازىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فازىسى بار. فازا قىلىنغان:[مىسال:] فازىلىق بېسىم. كۆپ فازىلىق.

فاسسىئولا

  • فاسسىئولا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل پارازىت قۇرت. رەڭگى قىزىل، شەكلى زەنجىۋىلگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شورىغۇچ تەخسىسى بولىدۇ. يېتىلگەنلىرى ئادەمنىڭ ئىنچىكە ئۈچىيىدە پارازىت ياشايدۇ، تۇخۇملىرى ئادەمنىڭ چوڭ تەرىتى بىلەن سىرتقا چىقىدۇ. لېچىنكىسى يېسسى بۇرمىلىق قۇلۇلە تېنىدە يېتىلىپ، سۇ ياڭىقى، بېجىك قاتارلىق سۇ ئۆسۈملۈكلىرىگە يېپىشىۋالىدۇ. ئادەم ئىچىدە ياشىغاندا، قورساق ئاغرىش، كۆپۈش ۋە ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

فاشىزم

  • فاشىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئەڭ ئەكسىيەتچىل بولغان مۇستەبىتلىك تۈزۈم ھەم شۇ خىل ئىدېئولوگىيە سىستېمىسى. ئۇ مەملىكەت ئىچىدە «دېموكراتىيە» شەكلىنى بىكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويىدۇ؛ سىرتقا قارىتا قوراللىق تاجاۋۇزچىلىق ۋە مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. ئۇ ئىتالىيە مۇستەبىتى مۇسسولىننىڭ فاشىستلار پارتىيىسىدىن باشلانغان.

فاشىزمچى

  • فاشىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] فاشىزم تەرەپدارى، فاشىزم ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان كىشى.

فاشىست

  • فاشىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] فاشىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى؛ فاشىزمنى ھىمايە قىلغۇچى، فاشىزم تەرەپدارى؛ ھاكىممۇتلەقلىق ياكى فاشىزمغا خاس ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] گېرمانىيە فاشىستلىرى. فاشىستلارنى يوقاتماق.

فاشىستلارچە

  • فاشىستلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] فاشىستلاردەك، فاشىستلارغا خاس ھالدا.

فاشىستلاشماق

  • فاشىستلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] فاشىزمنىڭ تۈزۈم-تەرتىپلىرى ئورنىتىلماق، فاشىزم ئىدىيىسى بويىچە ئۆز بېشىمچىلىق قىلماق.

فاشىستلىق

  • فاشىستلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەددىدىن ئاشقان زوراۋانلىق، ئۆز بېشىمچىلىق:[مىسال:] فاشىستلىق قىلماق.

فاكتور

  • فاكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] سېتىلىدىغان ماللارنىڭ رويخېتى، مىقدارى ۋە نەرخى قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن ھۆججەت.

فاكۇلتېت

  • فاكۇلتېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئالىي مەكتەپلەردىكى پەنلەر بويىچە بۆلۈنگەن ئوقۇتۇش بۆلۈملىرى:[مىسال:] پەلسەپە فاكۇلتېتى. تىل فاكۇلتېتى.

فاگاۋ

  • فاگاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] گۈرۈچ ئۇنى، ئاق ئۇن قاتارلىقلاردىن ئېچىتىپ تەييارلىنىدىغان يېمەكلىك، بەزىدە شېكەر، چىلان، ئۈزۈم قاتارلىقلارمۇ قوشۇلىدۇ.

فاگوت

  • فاگوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ياغاچتىن ياسالغان بىر خىل يەللىك چالغۇ ئەسۋابى.

فاڭجېن

  • فاڭجېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەتنى يېتەكلەيدىغان يۆنىلىش ۋە نىشان:[مىسال:] مائارىپ فاڭجېنى.  تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىساد قىلىش بىزنىڭ تۈپ فاڭجېنىمىز.

فامىلە

  • فامىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] شەخس ئىسمىغا قوشۇلۇپ كېلىپ، شۇ شەخسنىڭ نەسلىنى، يەنى ئاتىسىنى ياكى بوۋىسىنى بىلدۈرىدىغان ئائىلىۋى نام:[مىسال:] ئەخمەتجان سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقتىدا، ئانا تەرەپ بوۋىسى قاسىمئاخۇننىڭ ئىسمىنى ئۆزىگە فامىلە قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان.

فامىلىلىك

  • فامىلىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] فامىلىسى بار، فامىلە قوللىنىلغان، فامىلىگە ئىگە.

فانتازىيە

  • فانتازىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ①>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] جەمئىيەت تەلىپى ياكى شەخسىي ئارزۇلار ئاساسىدا، كەلگۈسى شەيئىلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئىجادىي تەسەۋۋۇر، پەرەز؛ خىيال:[مىسال:] ئىلمىي فانتازىيە. فانتازىيە فىلىم.[يەشمىسى:] ② ئەمەلگە ئېشىشى قىيىن بولغان ياكى مۇمكىن بولمايدىغان خىيالىي ئارزۇ، خام خىيال:[مىسال:] فانتازىيە بولسا بولغاي سۆزلىگىنىم، لېكىن ئىشقا ئاشار يازغان كۆزلىگىنىم.

فانتازىيىلىك

  • فانتازىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتتە بولمايدىغان ياكى بولۇپ باقمىغان، ئويلاپ، توقۇپ چىقىرىلغان، خىيالىي، ئويدۇرما:[مىسال:] فانتازىيىلىك رومان. فانتازىيىلىك ھېكايە.

فەرد

  • فەرد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] پەقەت بىرلا بېيىتتىن ئىبارەت بولغان كىچىك تىپتىكى مۇستەقىل شېئىر.

فتور

  • فتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گاز ئېلېمېنت. بەلگىسى F (fluorum). ئاچ سېرىق، يېشىل رەڭلىك، سېسىق پۇراقلىق. خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ، ھىدروگېن بىلەن بىۋاسىتە بىرىكسە پارتلايدۇ. نۇرغۇنلىغان مېتاللار فتور گازىدا كۆيىدۇ.

فتورلۇق

  • فتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە فتور بولغان، فتورغا ئىگە:[مىسال:] فتورلۇق كاۋچۇك. فتورلۇق سۇلياۋ.

فرازېئولوگىيە

  • فرازېئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە>[[يەشمىسى:] ① تىل<[يەشمىسى:] تىلشۇناسلىقنىڭ تۇراقلىق بىرىكمىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، مەنىسى ۋە ئۇلارنىڭ تىلدىكى قوللىنىلىشى، تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.[يەشمىسى:] ② تەركىبىدىكى سۆزلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان، پەقەت پۈتۈن بىرىكمە شەكلىدىلا ئىشلىتىلىدىغان ھەم ئادەتتىكى سۆز ياساش قائىدىسى بىلەن تەھلىل قىلىشقا بولمايدىغان تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرى:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلى فرازېئولوگىيىسى.

فرازېئولوگىيلىك

  • فرازېئولوگىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فرازېئولوگىيىگە ئائىت:[مىسال:] فرازېئولوگىيلىك بىرىكمە.

فرانسۇز

  • فرانسۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە مۇشۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار فرانسىيەنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېلگىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ فرانسۇزلار ياشايدۇ.

فرانسۇز تىلى

  • فرانسۇز تىلى[يەشمىسى:] فرانسۇزلار ئىشلىتىدىغان تىل. بۇ تىل خەلقئارادا كەڭ ئىشلىتىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ھىندى-ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىنىڭ رىم تىلى تۈركۈمىگە كىرىدۇ.

فرانسۇزچە

  • فرانسۇزچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فرانسۇزلارغا خاس، فرانسۇز تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] فرانسۇزچە ئادەت. فرانسۇزچە كىتاب.[يەشمىسى:] ② فرانسۇز تىلى:[مىسال:] فرانسۇزچە ئۆگەنمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] فرانسۇز تىلىنى ئىشلىتىپ، فرانسۇز تىلى بىلەن:[مىسال:] فرانسۇزچە سۆزلىمەك.

فرانسىي

  • فرانسىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنت. بەلگىسى (francium) Fr. ئەڭ تۇراقلىقئىزوتوپلىرىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 21 مىنۇت.

فرانك

  • فرانك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] فرانسىيە، بېلگىيە، شۋېيتسارىيە قاتارلىق بىرقانچە دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.

فرونت

  • فرونت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۇرۇش ۋاقتىدا، دۈشمەن قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جاي، جەڭ مەيدانى؛ ئالدىنقى سەپ:[مىسال:] شۇ كەچتە پۈتۈن شەھەر خەلقى فرونتقا كېتىۋاتقان ئوغۇل-قىز جەڭچىلەر بىلەن قىيقاس-چۇقانلار ئىچىدە خۇشلاشتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرادىكى سوغۇق ھاۋا ماسسىسى بىلەن ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تار، ئۆتكۈنچى بەلۋاغ.

فرۇكتوزا

  • فرۇكتوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى ساخاروزا، شېكەر قاتارلىقلارنى تەشكىل قىلغۇچى ماددا. مولېكولا فورمۇلىسى . C6H12O6 ئاق رەڭلىك كرىستال ھالىتىدە بولۇپ، تاتلىق كېلىدۇ، مېۋە-چېۋە، ھەسەل قاتارلىقلار تەركىبىدە بولىدۇ.

فلاگېللار

  • فلاگېللار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر ياكى بىرنەچچە تال قامچا تۈكىنى ھەرىكەت ئورگىنى قىلىدىغان ئاددىي ھايۋان. تاتلىق سۇ ياكى تۇزلۇق سۇلاردا ياشايدۇ. بەزىلىرى ھايۋان تېنىدە پارازىت ياشايدۇ. مەسىلەن، ئېۋگلېنا، قارا بەزگەكنى پەيدا قىلغۇچى قۇرت ۋە تامچا قۇرت قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

فلانگې

  • فلانگې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] «فلانگې تەخسە»گە قاراڭ.

فلانگې تەخسە

  • فلانگې تەخسە[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] مېتال تۇرۇبىلارنى ئۇلاش ياكى چىڭىتىشتا ئىشلىتىلىدىغان تەخسە شەكىللىك دېتال.

فلانېل

  • فلانېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] كۈز ۋە ئەتىيازلىق كىيىملەرنى تىكىشكە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، يۇڭدىن ياكى يۇڭ بىلەن پاختىدىن ئارىلاش توقۇلغان گەزلىمە، رەخت.

فلوت

  • فلوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ① مەلۇم ستراتېگىيىلىك دېڭىز رايونلىرىدا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دېڭىز ئارمىيە كۈچى. ئادەتتە ئۇ سۇ ئۈستى ھەربىي پاراخوتى، سۇ ئاستى پاراخوتى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە قىسمى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇش قىلىش ياكى مەلۇم ۋەزىپىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن نۇرغۇن پاراخوتلاردىن ۋاقىتلىق قۇرۇلغان سەپ:[مىسال:] بىز قۇدرەتلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگىلا ئەمەس، بەلكى قۇدرەتلىك ھاۋا ۋە دېڭىز فلوتىغىمۇ ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.

فلورېن

  • فلورېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C10H13. ئاق رەڭلىك تارىشىسىمان كرىستال جىسىم. تاشكۆمۈر يېغى تەركىبىدە بولىدۇ.

فلورىن

  • فلورىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گوللاندىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

فلېيتا

  • فلېيتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] يەللىك چالغۇ ئەسۋابى. كۆپىنچە مېتالدىن ياسىلىدۇ، نەيگە ئوخشايدۇ. ئۈستىدە تۆشۈكلىرى بولۇپ، بۇ تۆشۈكلەر ئۈستىدە تىللىرى بولىدۇ.

فوتو

  • فوتو[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «فوتوگرافىيە» سۆزىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى:[مىسال:] فوتو ئاپپارات.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يورۇقلۇق ھادىسىلىرى بىلەن باغلانغان، يورۇقلۇققا ئائىت:[مىسال:] فوتو بىئولوگىيە. فوتو قارشىلىق. فوتو ئېلېكتر ئېففېكتى. فوتو ئېلېمېنت.

فوتو ئاپپارات

  • فوتو ئاپپارات[يەشمىسى:] سۈرەت تارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مېخانىزم. ئادەتتە كۆز، لېنتا قاپچۇقى، زاتۋور، دالنومېتىر، مەنزىرە رامكىسى ۋە فوتومېتىر قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

فوتو باسما

  • فوتو باسما[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەت ياسىلىدىغان باسما. كۆپىنچە ئۇ كىتاب، جەدۋەل (گرافىك)لارنى كۆچۈرۈپ ياكى كۆپەيتىپ بېسىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

فوتو تېلېگراف

  • فوتو تېلېگراف[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] فوتو ئېلېكتر ئېففېكتىدىن پايدىلىنىپ، سىملىق ياكى سىمسىز رادىئو قۇرۇلمىسى ئارقىلىق رەسىم، جەدۋەل، خەت-چەك، ھۆججەت قاتارلىقلارنى بىۋاسىتىلا يىراق جايلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر خىل ئالاقە شەكلى ياكى شۇنداق قۇرۇلما.

فوتو تېلېگرامما

  • فوتو تېلېگرامما[يەشمىسى:] فوتوتېلېگراف ئارقىلىق يوللانغان تېلېگرامما.

فوتو سۈرەت

  • فوتو سۈرەت[يەشمىسى:] فوتوئاپپارات ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت. بۇ خىل سۈرەت ئادەتتە نۇر سەزگۈچ قەغەزنى سۈرەت ئېلىنغان نېگاتىپ ئاستىغا قويۇپ، نېگاتىپنى نۇرلاندۇرۇپ، چۈشكەن كۆلەڭگىنى ئۇنىڭدا مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.

فوتوسىنتېز

  • فوتوسىنتېز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يېشىل ئۆسۈملۈكلەر خلوروفىلىنىڭ كۈن نۇرىدا سۇ بىلەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى سىنتېزلاپ ئورگانىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىش ھەم ئوكسىگېننى چىقىرىۋېتىش جەريانى.

فوتوگراف

  • فوتوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] فوتوئاپپارات بىلەن سۈرەت تارتقۇچى مۇتەخەسسىس، فوتوگرافىيە مۇتەخەسسىسى:[مىسال:] ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ بولغۇچە، تەشۋىقات كادىرى فوتوگرافنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس راسلانغان ئۆيگە باشلاپ كەتكەنىدى.

فوتوگرافىيە

  • فوتوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] فوتوئاپپاراتلار ئارقىلىق، ئوبيېكتىپ تارقىتىدىغان ھەم قايتۇرىدىغان نۇرلىنىشلار تەسىرىدە نۇر سەزگۈچى قاتلاملاردا يۈز بېرىدىغان فىزىكىلىق ھەم خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش يولى بىلەن، جىسىملار ۋە ئوپتىك سىگناللارنىڭ تۇرغۇن تەسۋىرىنى ھاسىل قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە جەريانلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

فوتومېتىر

  • فوتومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]فوتو+مېتىر[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.

فوتون

  • فوتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] نۇرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەررىچە، ئۇ بەلگىلىك ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسى نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە قىسقا بولسا، فوتوننىڭ ئېنېرگىيىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

فورما

  • فورما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، شەكلى، نۇسخىسى، پاسونى:[مىسال:] ئۇ شەھەر فورمىسىدا سېلىنغان كۆك دەرۋازىلىق يوغان ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر ساھەدىكى كىشىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تىكىلگەن، تىكىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە بەلگىلىرى ئوخشاش بولغان كىيىم:[مىسال:] جەڭچىنىڭ ھەربىي فورمىسىغا ئىچى كۆيەتتى.

فورمات

  • فورمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] كىتاب، گېزىت-ژۇرنال قاتارلىقلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمى. ئادەتتە ئۇ بىر پۈتۈن باسما قەغىزىنىڭ تەڭ ھالەتتە بۆلۈنگەن بۆلەكلىرىنىڭ سانى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، بىر پۈتۈن قەغەز 16 تەڭ بۆلەككە بۆلۈنسە، بۇ باسما بۇيۇمىنىڭ ئۆلچىمى 16 فورمات؛ ئەگەر 32 تەڭ بۆلەككە بۆلۈنسە، بۇ باسما بۇيۇمىنىڭ ئۆلچىمى 32 فورمات بولىدۇ.

فورماتسىيە

  • فورماتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئەييەن ئىقتىسادىي بازىس ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۈستقۇرۇلما بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچلىرى:[مىسال:] ئىجتىمائىي فورماتسىيە.[يەشمىسى:] ② شەيئىلەرنىڭ شەكلى ياكى ئىپادىسى:[مىسال:] ئەخلاق ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسىنىڭ بىرى.

فورمال

  • فورمال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] فورما ياكى شەكىلگە ئاساسلانغان، نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ھەقىقىي ھالىتىگە زىت، شەكلەن:[مىسال:] فورمال لوگىكا.

فورمال لوگىكا

  • فورمال لوگىكا[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] تەپەككۈر شەكلى ۋە قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى پەن. ئۇ تەپەككۈرنىڭ ئۇقۇم، ھۆكۈم ۋە ئەقلىي خۇلاسە قاتارلىق ئاساسىي شەكىللىرىنى ۋە ئەينىيەت قانۇنى، زىددىيەت قانۇنى، ئۈچىنچىسى مۇستەسنا قانۇنى قاتارلىق تەپەككۇر قانۇنلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.

فورمالدېگىد

  • فورمالدېگىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. ئۇ رەڭسىز گاز جىسىم بولۇپ، غىدىقلىغۇچى سېسىق پۇراققا ئىگە. ئادەتتە سۇلياۋ، پارتلاتقۇچ دورا ۋە بوياق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

فورمالىزم

  • فورمالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] لوگىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق پەنلەردە ئاساسىي مەزمۇنغا سەل قاراپ شەكىل، فورمىغا ئارتۇقچە ئەھمىيەت بېرىدىغان، رېئالىزمغا قارىمۇقارشى بولغان بىر خىل ئىدېئالىستىك ئۇقۇم؛ شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىك.

فورمالىزمچى

  • فورمالىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] فورمالىزم تەرەپدارى، فورمالىزمنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلىدىغان كىشى.

فورمالىن

  • فورمالىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] فورمالدېگىدنىڭ سۇلۇق ئېرىتمىسى. ئۇ دېزىنفېكسىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

فورمۇلا

  • فورمۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە>[[يەشمىسى:] ① مات<[يەشمىسى:] بىرقانچە مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق يېزىلغان ئىپادە. مەسىلەن، ئىككى ساننىڭ يىغىندىسى S، ئايرىمىسى d بولسا، بۇ ئىككى ساننى تېپىش فورمۇلىسى مۇنداق بولىدۇ: چوڭ سان [SX(]1[]2[SX)](s+d) ياكى كىچىك ساتتاۋىنىڭ خىمىيىۋى بەلگە ياكى كوئېففىتسېنتلار ئارقىلىق يېزىلغان ئىپادىسى:[مىسال:] سۇنىڭ فورمۇلىسى. سۇلفات كىسلاتاسىنىڭ فورمۇلىسى.

فورمۇلىلاشتۇرماق

  • فورمۇلىلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] فورمۇلا شەكلىگە، فورمۇلا ھالىتىگە كەلتۈرمەك.

فورمۇلىلاشتۇرۇلماق

  • فورمۇلىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «فورمۇلىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاۋېنارئوسنىڭ بئومېخانىكىسى زادىلا ھېچقانداق يېڭى كۆزىتىشنى ئاساس قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ بەلگىسى ساپ فورمۇلىلاشتۇرۇلغان ئۇقۇملار تۈزۈملىرىدىن ئىبارەت.

فورمۇلىلاشماق

  • فورمۇلىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] فورمۇلا ھالىتىگە كەلمەك، فورمۇلاغا ئايلانماق.

فورمىئات

  • فورمىئات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «فورمىئات كىسلاتا»غا قاراڭ.

فورمىئات كىسلاتا

  • فورمىئات كىسلاتا[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئەڭ ئاددىي بولغان بىر خىل ئورگانىك كىسلاتا. رەڭسىز سۇيۇقلۇق بولۇپ، غىدىقلىغۇچى سېسىق پۇراققا ئىگە. ئادەتتە ئۇنىڭدىن ئوكسالات كىسلاتاسى ئىشلىنىدۇ. ئۇ يەنە بوياقچىلىق ۋە كۆنچىلىك سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

فورېنت

  • فورېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋېنگرىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

فوسفات

  • فوسفات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] [تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «فوسفاتلار»غا قاراڭ.

فوسفات كىسلاتا

  • فوسفات كىسلاتا[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە، سۈزۈك كرىستال جىسىم، ھاۋادا ئاسانلا ئېرىپ پارچىلىنىپ، كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇنىڭ قويۇقراق ئېرىتمىسى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. كۆپىنچە ئۇ رېئاكتىپ تەجرىبە دورىسى قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئوغۇت، تېببىي دورا، بوياش دورىسى قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ.

فوسفاتلار

  • فوسفاتلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] فوسفات كىسلاتاسىنىڭ مېتاللار بىلەن ھاسىل قىلغان تۇزلىرى. فوسفات كىسلاتاسى ئۈچ نېگىزلىك كىسلاتا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ خىل تۇز ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە ئۇلار ئوغۇت ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

فوسفاتلىق

  • فوسفاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە فوسفات بولغان:[مىسال:] فوسفاتلىق ماي.

فوسفاتلىق ماي

  • فوسفاتلىق ماي[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىسىدىكى تەركىبىدە فوسفور بىلەن ئازوت بولغان ماي.

فوسفور

  • فوسفور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتاللوئىد ئېلېمېنت. بەلگىسى (Phasphorum)P. رەڭگىگە قاراپ ئاق فوسفور )سېرىق فوسفور(، قىزىل فوسفور ۋە قارا فوسفور قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇ مۇھىم بىر خىل ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ نېرۋا، مېڭە )باش (ۋە سۆڭەك توقۇلمىلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا فوسفور بولىدۇ.

فوسفورلۇق

  • فوسفورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە فوسفور بار، فوسفور ئارىلاشقان:[مىسال:] فوسفورلۇق ئوغۇت. فوسفورلۇق سائەت.

فوسفورىت

  • فوسفورىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يوشۇرۇن كرىستاللىق ئاپاتىتلار گۇرۇپپىسىدىكى مىنېراللار بىلەن ھەر خىل قوشۇلمىلاردىن تەشكىل تاپقان چۆكۈندى جىنس. مۇتلەق كۆپچىلىكى خىمىيىلىك يول بىلەن دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ پەيدا بولغان. دېھقانچىلىقتا ئوغۇت قىلىنىدۇ.

فوسفىن

  • فوسفىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىر تۈرى. ھىدرو فوسفىد تەركىبىدىكى ھىدروگېن ئاتومىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى ھىدرو كاربون رادىكالى بىلەن ئالماشقاندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ.

فوسگېن

  • فوسگېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئورگانىك بىرىكمە، رەڭسىز، زەھەرلىك گاز، ئۇنىڭدىن بوياق ۋە ئۇپا-ئەڭلىك، ئەتىر قاتارلىق پۇراقلىق بۇيۇملار ئىشلىنىدۇ. نەپەس ئېلىش ئورگانلىرىنى ئاسان زەھەرلەيدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جاھانگىرلار ئۇنى زەھەرلىك گاز ئورنىدا ئىشلەتكەنىدى.

فوكستروت

  • فوكستروت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] كىچىك قەدەملەر بىلەن ئاياغنى سۆرەپ يۈرۈپ ئوينىلىدىغان، رېتىمى [SX(]4[]4[SX)] تاكىتلىق تانسا ۋە شۇ تانسىنىڭ مۇزىكىسى.

فوكۇسⅠ

  • فوكۇسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۇنغان ياكى قايتقان پاراللېل نۇرلارنىڭ ئۆزئارا كېسىشكەن ياكى توپلانغان نۇقتىسى:[مىسال:] پېتىنقى لىنزىنىڭ فوكۇسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئېللىپس، گىپىربولا، ياكى پارابولالار بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغان نۇقتا. مەسىلەن، ئېللىپسنىڭ ئىككى فوكۇسىدىن ئېللىپىسنىڭ ئۈستىدىكى خالىغان بىر نۇقتىغىچە بولغان ئارىلىقلارنىڭ يىغىندىسى بىر تۇراقلىق سان بولىدۇ.

فوكۇس ئارىلىقى

  • فوكۇس ئارىلىقى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سىفىرلىق ئەينەك ياكى لىنزىنىڭ مەركىزىدىن باش فوكۇسقىچە بولغان ئارىلىق.

فوكۇسⅡ

  • فوكۇسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ياڭزا، شەكىل:[مىسال:] فوكۇس چىقارماق.

فولكلور

  • فولكلور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى.

فونتان (فونتانى)

  • فونتان (فونتانى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] ① كۈچلۈك بېسىم بىلەن يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان سۇ، گاز، نېفىت قاتارلىقلار:[مىسال:] ئۇرغۇپ يەر قېتىدىن چىققان سۈزۈك سۇ، بولۇپتۇ بىھېساب مەرۋايىت جالا. كۈمۈشتەك ھەر جالا قايرىلىپ چۈشۈپ، ياساپ زور بىر فونتان تۇرار باغ ئارا.[يەشمىسى:] ② مەنزىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ياكى باشقا ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن كۆل ياكى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا ئورنىتىلىدىغان، ئېغىزىدىن يۇقىرىغا سۇ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان تۇرۇبا نەيچىسى، شۇنداق قۇرۇلما:[مىسال:] تۈن پەردىسى چۈشۈشكە باشلىغاندا، يىغىن بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ چىراغلار تەڭلا نۇر چېچىشقا باشلاپ، فونتاندىن ئېتىلىپ چىققان سۈزۈك سۇلارغا ئاجايىپ چىرايلىق ھۆسن كىرگۈزگەنىدى.

فونتانگۈل

  • فونتانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]فونتان+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تۆمۈنە ياكى تۇخۇمسىمان تۆمۈنە شەكلىدە بولۇپ، پارقىرايدۇ. گۈلى ئاق ۋە خۇشبۇي پۇرايدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

فونتانلىق

  • فونتانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فونتانى بار، فونتان ئورۇنلاشقان:[مىسال:] پەلەمپەينىڭ يېنىدا تاشلاپ قويۇلغان بىر يۇمىلاق فونتانلىق كۆل بار ئىدى.

فوندⅠ

  • فوندⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① دۆلەت ياكى خەلقنىڭ مەلۇم بىرەر ئىش ئۈچۈن ئاجراتقان پۇلى، مەبلىغى:[مىسال:] جامائەت فوندى. پاراۋانلىق فوندى.[يەشمىسى:] ② غەملەپ، توپلاپ قويۇلغان بايلىق ياكى مەۋجۇت بار نەرسە:[مىسال:] لۇغەت فوندى. ئۇرۇقلۇق فوندى.

فوندⅡ

  • فوندⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[يەشمىسى:] مىسىر، سۇدان، لىۋانلارنىڭ پۇل بىرلىكى.

فوندستېرلىڭ

  • فوندستېرلىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]لاتىنچە+ئىنگ[[يەشمىسى:] ئەنگىلىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

فونوگراف

  • فونوگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تاۋۇش، ئاھاڭ قاتارلىقلارنى يېزىۋالىدىغان ۋە ئاڭلىتالايدىغان مەخسۇس ئاپپارات.

فونوگرافىيە

  • فونوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تاۋۇش، ئاھاڭلارنى تەتقىق قىلىدىغان مەخسۇس پەن.

فونولوگىيە

  • فونولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىلشۇناسلى قنىڭ فونېمىلار سىستېمىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

فونولىت

  • فونولىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يانار تاغلارنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاچ رەڭلىك، يوشۇرۇن كرستاللىق جىنس. تەركىبىدە كۆپ ئىشقارلىق دالا شپاتى، دالا شپاتسىمانلار ۋە ئاز مىقداردا ماگنىي-تۆمۈرلۈك مىنېراللار بولىدۇ.

فونون

  • فونون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كرىستالدىكى ئاۋاز تېزلىكى بىلەن تارقىلىدىغان ئاتوم تەۋرىنىش دولقۇنىنىڭ ئېنېرگىيە كۋانتى.

فونېتىكا

  • فونېتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ① تىلشوناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. تىلنىڭ تاۋۇش سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② تىلنىڭ تاۋۇش سوستاۋى:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى.

فونېتىكىلىق

  • فونېتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فونېتىكىغا خاس، فونېتىكىغا دائىر:[مىسال:] فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش. فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەت.

فونېما

  • فونېما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بىر تىلنىڭ تاۋۇش سىستېمىسىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك بىرلىك.

فونىزم

  • فونىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] فرانسىيە ھازىرقى زامان رەسساملىق ئېقىملىرىدىن بىرى. بۇ ئېقىمدىكىلەر سۇبيېكتىپ تەسىراتنى تەكىتلەيدۇ، چوڭ رەڭ پارچىلىرى ۋە سىزىقلار بىلەن مۇبالىغە قىلىپ، شەكلى ئوزگەرگەن ئوبرازلار ئارقىلىق «ساپلاشتۇرۇلغان» زىننەتلىك ئۈنۈمنى قوغلىشىدۇ.

فۇداۋ (فۇداۋى)

  • فۇداۋ (فۇداۋى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئۆگىنىش، مۇھاكىمىگە ئېلىپ بېرىلىدىغان يېتەكچىلىك:[مىسال:] فۇداۋ قىلماق.

فۇداۋيۈەن

  • فۇداۋيۈەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئۆگىنىش، مۇھاكىمىگە يېتەكىچلىك قىلىدىغان كىشى.

فۇراتسىلىن

  • فۇراتسىلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا، يەنى ئورگانىك بىرىكمە. ئۇ ئاچ سېرىق رەڭلىك پاراشۇكسىمان ماددا بولۇپ، كۆپ خىل باكتېرىيىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ، تېرە ۋە شىللىق پەردىلەرگە سىرتتىن سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە دورىسى قىلىشقا بولىدۇ.

فۇران

  • فۇران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، ئۇ رەڭسىز سۇيۇقلۇق بولۇپ، دورا ياساشتا پايدىلىنىلىدۇ، ھەمدە خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ.

فۇرفۇرۇل

  • فۇرفۇرۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. ئۇ بىر خىل رەڭسىز سۇيۇقلۇق بولۇپ شال پاخىلى، مەدەك، خۇاسىڭ شاكىلى قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ گىدرولىزلاش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. ئادەتتە ئۇ سۇلياۋ، سىنتېتىك تالا، سىنتېتىك كاۋچۇك ۋە دورا قاتارلىقلارنىڭ خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

فۇگا

  • فۇگا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ كۈيلۈك مۇزىكا شەكىللىرىدىن بىرى. بىر تېمىلىقى «يەككە فۇگا»، ئىككى تېمىلىقى «قوش فۇگا»، ئۈچ تېمىلىقى «ئۈچ فۇگا» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى ئۆز ئالدىغا ئەسەر قىلىپ پايدىلىنىشقىمۇ، مۇقەددىمە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يۈرۈشلۈك ئاھاڭ قىلىپ پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ.

فۇگۈەن

  • فۇگۈەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ① بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى ئارمىيە ئىچىدە مەمۇرىي خىزمەت ئۆتەيدىغان ئوفىتسېر.[يەشمىسى:] ② ئوفىتسېرلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل ھەربىي-خادىم، كانۋوي:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەربىي خىزمەت قىلغىنىغا توپتوغرا تۆت يىل بولغان بولۇپ، ئىككى يىل ئالاھىدە خىزمەت ليەنىدە؛ ئىككى يىل باتاليون كوماندىرىنىڭ فۇگۈەنى بولۇپ ئىشلىدى.

فۇلمىنات

  • فۇلمىنات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «فۇلمىنات كىسلاتا»غا قاراڭ.

فۇلمىنات كىسلاتا

  • فۇلمىنات كىسلاتا[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك كىسلاتا. مولېكۇلا فورمۇلىسى HONC. ئۇچۇشچان، تۇراقسىز ماددا بولۇپ، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ناھايىتى ئاسان پولىمىرلىنىدۇ، سۇدا ئاز ئېرىيدۇ، سىركە كىسلاتاسى ۋە ئېفىردا ياخشى ئېرىيدۇ، زەھەرلىك.

فۇنكسىئونال

  • فۇنكسىئونال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] فۇنكسىيىگە ئائىت، فۇنكسىيىگە باغلىق بولغان:[مىسال:] فۇنكسىئونال پسىخولوگىيە.

فۇنكسىيە

  • فۇنكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] باشقا مىقدارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئۆزگىرىشچان مىقدار، يەنى ئۆزگەرگۈچى مىقدار X نىڭ مەلۇم بىر دائىرىدىكى ھەربىر قىممىتىگە نىسبەتەن، ئىككىنچى بىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار Y ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياكى بىرنەچچە قىممەتكە ئىگە بولسا، ئۇ ھالدا Y نى X نىڭ فۇنكسىيىسى دەيمىز. بۇ خىل مۇناسىۋەت ئادەتتە y=f(x) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھۈجەيرە توقۇلمىلىرى ياكى ئەزا قاتارلىقلارنىڭ رولى ۋە پائالىيەت ئىقتىدارى:[مىسال:] ماتېرىيالىستلار پسىخىكىلىق پائالىيەت ئادەم تېنىنىڭ بىر خىل فۇنكسىيىسى، پسىخىكا بەدەنگە تايىنىدۇ دەپ قارايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەم، شەيئىلەر ۋە ئورگان قاتارلىقلارنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك رولى؛ ۋەزىپىسى ياكى پائالىيەت دائىرىسى:[مىسال:] پۇلنىڭ فۇنكسىيىسى.

فۇنكسىيىلىك

  • فۇنكسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① فۇنكسىيىگە يەنى مۇئەييەن ۋەزىپىگە ئىگە، بەلگىلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ھوقۇقلۇق:[مىسال:] سىياسىي قانۇن تارماقلىرى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان فۇنكسىيىلىك ئورگانلاردۇر.[يەشمىسى:] ② فۇنكسىيىگە ئائىت، فۇنكسىيىگە ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] فۇنكسىيىلىك ئۆزگىرىش. فۇنكسىيىلىك باغلىنىش. فۇنكسىيىلىك تەقسىمات.

فېتىشىزم

  • فېتىشىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنىڭ نەرسىلەرگە سەجدە قىلىشى. بۇنىڭدا مەلۇم نەرسە ئىلاھ دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بەلگىلىك تەشكىلىي شەكلىمۇ بولمايدۇ.

فېدېراتسىيە

  • فېدېراتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① ئايرىم جەمئىيەتلەر ياكى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشمىسى؛ ئىتتىپاق:[مىسال:] دۇنيا دېموكراتىك ياشلار فېدېراتسىيىسى.[يەشمىسى:] ② مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمىسى؛ بىرلەشمە دۆلەت.

فېدراتىپ

  • فېدراتىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] فېدېراتسىيە ئاساسىدا تۈزۈلگەن، فېدېراتسىيە پرىنسىپى بويىچە بىرلىككە كەلگەن:[مىسال:] فېدېراتىپ دۆلەت.

فېرما

  • فېرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] چارۋىچىلىقنىڭ مەلۇم بىر تارمىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئالاھىدە ئىختىساسلاشقان ئىگىلىك؛ مەيدان:[مىسال:] توخۇ فېرمىسى. سۈت فېرمىسى.

فېرمېنت

  • فېرمېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار تېنىدىكى ھۈجەيرىلەر ھاسىل قىلىدىغان يىلىمسىمان ئورگانىك ماددا. ئاقسىلدىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئورگانىزملار ئىچىدىكى خىمىيىۋى ئۆزگىرىشنى تېزلىتىش يەنى تەن ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىش، ھەزىم قىلىش ۋە ئېچىتىش رولى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بىر خىل فېرمېنت پەقەت مەلۇم بىر تۈر ياكى مەلۇم بىر خىل خىمىيىۋى ئۆزگىرىشكە قارىتا كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينىيالايدۇ.

فېرمى

  • فېرمى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتوم يادرو فىزىكىسىدىكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى. 10 سانتىمېتىرغا تەڭ. بۇ نام ئىتالىيە فىزىكا ئالىم فېرمى( Enrico Fermi) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن.

فېرمىئون

  • فېرمىئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆزلۈكىدىن ئايلىنىش ھەرىكەت مىقدارى[SX(]1[]2[SX)][SX(]h[]2π[SX)] نىڭ تاق سانلىق ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان مىكرو زەررىچە.

فېرمىي

  • فېرمىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنت. بەلگىسى (Fermium)Fm. سۈنئىي ئېلىنىدۇ. ئەڭ تۇراقلىق ئىزوتوپىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئۈچ كۈن.

فېستىۋال

  • فېستىۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] سەنئەتنىڭ مەلۇم بىر تۈرى ياكى ھەممە تۈرلىرى بويىچە قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئومۇمىي كۆرەك ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولىدىغان بايرام، تەنتەنە.

فېشىر

  • فېشىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «فېشىر سۈتلۈكئوتى»غا قاراڭ.

فېشىر سۈتلۈكئوتى

  • فېشىر سۈتلۈكئوتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سۈتلۈكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇنچاق بولۇپ ئايلىنىپ ئۆسىدۇ، گۈلى تاق جىنسلىق، غوزىلىق مېۋە تۇتىدۇ. مېۋىسى ياپىلاق كېلىدۇ. يىلتىزى زەھەرلىك بولۇپ دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، بەلغەم بوشىتىش، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە.

فېلدشېر

  • فېلدشېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>خىم[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېببىي داۋالاش سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان تېببىي خادىم، ۋراچنىڭ ياردەمچىسى.

فېلدشېرلىق

  • فېلدشېرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] فېلدشېرنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە، ئىش:[مىسال:] فېلدشېرلىق قىلماق.

فېليەتون

  • فېليەتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن سەلبىي ھادىسىلەرنى ئۆتكۈر تىل بىلەن مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلىپ يېزىلغان ئاكتۇئال تېمىدىكى تەنقىدىي ماقالە.

فېليەتونچى

  • فېليەتونچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] فېليەتون يازىدىغان كىشى.

فېنانترېن

  • فېنانترېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروكاربون بىرىكمىلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئۇ ئانتراتسىننىڭ ئىزومىرى بولۇپ، رەڭسىز، پارقىراق كىرستالدۇر. ئادەتتە كوكۇس مېيىنى دىستىللەش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. بوياق ۋە پارتلاتقۇچ دورا قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

فېندۈي

  • فېندۈي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] شۆبە ئەترەت.

فېنول

  • فېنول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. بېنزولدىكى بىر ھىدروگېن ئاتومى گىدروكسىل رادىكالى بىلەن ئالماشقاندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ. ساپ فېنول رەڭسىز كرستال بولۇپ، يورۇقلۇققا يولۇقسا، ھال قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۆتكۈر پۇراققا ئىگە، زەھەرلىك، ئادەتتە ئۇ چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ۋە ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا سۈپىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سانائەتكىمۇ خام ئەشيا قىلىنىدۇ.

فېنولفتالېئىن

  • فېنولفتالېئىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. ئۇ، رەڭسىز كرىستال بولۇپ، ئىسپىرىتتىكى ئېرىتمىسى نىترال ياكى كىسلاتالىق ئېرىتمىدە رەڭسىز، ئاساسلىق ئېرىتمىلەردە بولسا قىزىل بولىدۇ. خىمىيىلىك ئانالىزدا ئىندىكاتور قىلىنىدۇ.

فېنولوگىيە

  • فېنولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىئولوگىيىنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلارنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشلىرىگە باغلىق ئۆزگىرىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

فېنىلئامىن

  • فېنىلئامىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. رەڭسىز سۇيۇقلۇق بولۇپ، زەھەرلىك. بوياق ۋە دورا ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

فېنىلئېتىلىن

  • فېنىلئېتىلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. رەڭسىز ھەم پۇراقلىق سۇيۇقلۇق. سېنتېتىك كاۋچۇك، سۇلياۋ قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

فېئودال

  • فېئودال[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] فېئودالىزم جەمئىيىتىدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە يەر ئىگىلەپ دېھقانلارنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىدىغان، سىياسىي جەھەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ يەر ئىگىلىرى، پومېشچىكلار[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فېئوداللار تەبىقىسىگە، سىنىپىغا مەنسۇپ، خاس، تەۋە، ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] فېئودال كۈچلەر. فېئودال پومېشچىكلار. فېئودال ئېكىسپىلاتاتسىيە.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فېئوداللىق جەمئىيەتنى، تۈزۈمنى ياقلايدىغان ياكى ئۇنىڭ تەسىرى سىڭگەن:[مىسال:] ئۇلارغا فېئودال ئائىلە باشلىقلىرىغا خاس بېسىم ئىشلىتىش ۋە تەربىيە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

فېئوداللىق

  • فېئوداللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① فېئودالىزمغا مەنسۇپ، خاس، ئالاقىدار:[مىسال:] فېئوداللىق مۇناسىۋەتلەر. فېئوداللىق جەمئىيەت.[يەشمىسى:] ② فېئودالىزم قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان:[مىسال:] فېئوداللىق تۈزۈم. فېئوداللىق تەرتىپ.

فېئوداللىق جەمئىيەت

  • فېئوداللىق جەمئىيەت[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] جەمئىيەت تەرەققىياتى تارىخىدىكى بەش خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بەلگىسى، پومېشچىكلار يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان، دېھقانلارنىڭ يېرى ناھايىتى ئاز ياكى زادىلا يېرى يوق بولۇپ، پەقەت پومېشچىكلارنىڭ يېرىنى تېرىيدۇ، ئەمما مەھسۇلاتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پومېشچىكلار تارتىۋالىدۇ. فېئوداللىق جەمئىيەت قۇللۇق جەمئىيەتكە قارىغاندا بىرقەدەر ئىلغار بولۇپ، دېھقانلارنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكى بولىدۇ. بىراق ئۇلار ئۆمۈر بويى يەرگە تايانغانلىقتىن ئەمەلىيەتتە يەنىلا جىسمانىي ئەركىنلىككە ئىگە بولالمايدۇ.

فېئودالىزم

  • فېئودالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم. ئۇنىڭ ئاساسى پومېشچىكلار يەر ئىگىلەپ، دېھقانلارنى ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت.

فېۋرال

  • فېۋرال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] مىلادىيىنىڭ ئىككىنچى ئېيى، 28 كۈن ياكى 29 كۈن بولىدۇ.

فىرۇزە

  • فىرۇزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. يېرىم سۈزۈك بولۇپ، ھاۋا رەڭ، كۆك يېشىل، ئاچ يېشىل ياكى ئازراق يېشىل ئارىلاش كۈل رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە ئۇچرايدۇ. كرىستاللىرى ئۈچ ياقلىق كرىستال سىستېمىسىدا. ئادەتتە قىممەت باھالىق مۇھىم مىنېرال ھېسابلىنىدۇ. كۆپىنچە بېزەك بۇيۇملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] فىرۇزە كۆزلۈك ئۈزۈك.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

فىزىك

  • فىزىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] فىزىكا مۇتەخەسسىسى، فىزىكا ئالىمى:[مىسال:] بۇ مەسىلىلەر كەلگۈسى فىزىكلىرىمىزنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

فىزىكا

  • فىزىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] تەبىئىي پەنلەر ئىچىدىكى ئاساسلىق بىر پەن. ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى، تۈزۈلۈشى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئاكۇستىكا، ئىسسىقلىق ئىلمى، ماگنىتىزم، ئوپتىكا ۋە ئاتوم فىزىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فىزىكىلىق

  • فىزىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فىزىكىغا دائىر، فىزىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] فىزىكىلىق ھادىسە. فىزىكىلىق قانۇنىيەت. فىزىكىلىق خۇسۇسىيەت.

فىزىكىلىق مىقدار

  • فىزىكىلىق مىقدار[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلەيدىغان مىقدار. مەسىلەن، ئېغىرلىق، ماسسا، تېزلىك، ۋاقىت، تېمپېراتۇرا، ئىش، ئېنېرگىيە، توك بېسىمى، توك ئېقىمى قاتارلىقلار.

فىزىكىلىق ئۆزگىرىش

  • فىزىكىلىق ئۆزگىرىش[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ پەقەت شەكلىدىلا ئۆزگىرىش بولۇپ، خىمىيىلىك تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغان ئۆزگىرىش. مەسىلەن، سۇيۇقلۇقلارنىڭ ھورغا ئايلىنىشى ياكى قېتىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

فىزىئولوگ

  • فىزىئولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] فىزىئولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسى، فىزىئولوگىيە ئالىمى.

فىزىئولوگىيە

  • فىزىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئادەتتە ئۇ ئادەم فىزىئولوگىيىسى، ھايۋانات فىزىئولوگىيىسى ۋە ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فىزىئولوگىيىلىك

  • فىزىئولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فىزىئولوگىيىگە ئائىت، فىزىئولوگىيىگە ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيە. فىزىئولوگىيىلىك جەريان.

فىكۇس

  • فىكۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈجمە ئائىلىسىدىكى دائىم يېىشل تۇرىدىغان دەرەخ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ئۇچى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، گۈل تەگلىكى شارغا يېقىنراق شەكىلدە، گۈلى ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. مېۋىسى ياپىلاق، پىشقاندا قارا قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئەسلى ماكانى ئاسىيادىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. قوۋزىقىدىن ئېلىنغان سۈتسىمان سۇيۇقلۇقتىن قاتتىق دەرەخ يېلىمى ئىشلىگىلى بولىدۇ.

فىگۇرا

  • فىگۇرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] گەۋدىنىڭ تۈزۈلۈشى، پىچىمى، قەددى-قامەت:[مىسال:] فىگۇرىسى چىرايلىق. فىگۇرىسى قاملاشقان.

فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش

  • فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن بىرى. بۇنىڭدا، مۇز تېيىلىش بىلەن بىرگە ھەر خىل قىياپەتتە سەكرەش ۋە پىرقىراش ھەرىكەتلىرى ئورۇنلىنىدۇ.

فىگۇرا كانكىسى

  • فىگۇرا كانكىسى[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] كانكىنىڭ بىر خىلى. ئۇ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ئايىغىنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلىدۇ. بىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېرىقچىسى بولىدۇ. باش قىسمى ئەگمەچ بولۇپ چىشلىرى بولىدۇ، قۇيرۇق قىسمى تۈز ھەم قىسقا كېلىدۇ.

فىلادېلفۇن

  • فىلادېلفۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاشيارغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ۋە ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ ئۇدۇل ئۆسىدۇ، گۈلى ئومۇمىي گۈل رېتىدە، گۈل تاجى سۈت رەڭگىدە كېلىدۇ. گۈل كاسسىسى سارغۇچ يېشىل بولۇپ، خۇشبۇي پۇرايدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

فىلتىر

  • فىلتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق ياكى گازلارنى كېرەكسىز ئارىلاشمىلاردىن تازىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب، سۈزگۈچ:[مىسال:] فىلتىر بىلەن سۈزمەك. ∥ فىلتىر قەغەز.

فىلتىرلاتماق

  • فىلتىرلاتماق[يەشمىسى:] «فىلتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

فىلتىرلانماق

  • فىلتىرلانماق[يەشمىسى:] «فىلتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئېرىتمىلەر فىلتىرلاندى.

فىلتىرلىماق

  • فىلتىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پىلتىردىن ئۆتكۈزمەك، سۈزمەك:[مىسال:] دەل-دەرەخلەرنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ھاۋانى پىلتىرلاش رولى بار.

فىللىت

  • فىللىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مېتامورفىلىق جىنس. نېپىز تارىشىسىمانتۈزۈلمىگە ئىگە. ئاساسلىق تەركىبى چىرىمتال، كۋارتس، خلورىت قاتارلىقلار بولۇپ، قىزىل، كۈل رەڭ، سېرىق، يېشىل، قارا قاتارلىق رەڭلەردە ئۇچرايدۇ. يىپەك پارقىراقلىقىغا ئىگە.

فىلولوگ

  • فىلولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] فىلولوگىيە ئلىمىنىڭ مۇتەخسسىسى، فىلولوگىيە ئالىمى.

فىلولوگىيە

  • فىلولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] تىل-يېزىق، ئەدەبىيات مەسىلىلىرىنى، ئاساسەن يازما يادىكارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. كەڭ مەنىدىكى فىلولوگىيە تىلشۇناسلىق، يېزىقشۇناسلىق، فونېتىكا ئىلمى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا، كۆپىنچە ئۇ تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلانماقتا.

فىلىم

  • فىلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] ① كىنو قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان لېنتا، كىنو لېنتىسى:[مىسال:] فىلىم بېسىش ئاپپاراتى. * فىلىم ئۈزۈلۈپ قېلىپ، خېلى كۈتۈشكە توغرا كەلدى.[يەشمىسى:] ② كىنو:[مىسال:] رەڭلىك فىلىم. رەڭسىز فىلىم. ھېكايە فىلىم. ھۆججەتلىك فىلىم.

فىليۇگېر

  • فىليۇگېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] شامال يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە ئېگىز تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان بىر تال يا ئوقىسىمان تۆمۈر بولۇپ، شامالغا ئەگىشىپ ئايلىنىدۇ، ئسترېلكا داۋاملىق شامال كەلگەن تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

فىليۇئورىت

  • فىليۇئورىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى كالتىسىي فتورىد بولۇپ، ئاق-يېشىل، بىنەپشە رەڭلەردە ئۇچرايدۇ، ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە، ھەمىشە يالتىراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئۇ تەركىبىدە فتور بولغان مۇھىم مىنېرال ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن فتورىد كىسلاتاسى ۋە فتورلۇق سېمونت ئىشلىگىلى بولىدۇ، [يەشمىسى:] مېتاللورگىيە سانائىتىدە ئېرىتكۈچ قىلىنىدۇ.

فىن

  • فىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار فىنلاندىيىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

فىنچە

  • فىنچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] فىن خەلقىگە، ئۇنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] فىنچە ئۆي. فىنچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] فىن تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] فىنچىنى بىلمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] فىن تىلىنى ئىشلىتىپ، فىن تىلى بىلەن:[مىسال:] فىنچە سۆزلەشمەك.

فىنىك

  • فىنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەتلەردىن بىرى. ئاساسەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە شىمالىغا تارقالغان )ھازىرقى لىۋان ۋە سۇرىيەنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى جايلىرىغا توغرا كېلىدۇ (. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردا قۇللۇق تۈزۈمدىكى بەزى دۆلەتلەرنى قۇرغان، كېيىن ئۇزۇن مۇددەت مىسىر پىرئونلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅻ ئەسىردە مۇستەقىل بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بەزى رايونلاردا مۇستەملىكىلەرگە ئىگە بولغان.

فىنىك ئېلىپبەسى

  • فىنىك ئېلىپبەسى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى فىنىكلار قوللانغان بىر خىل ئېلىپبە. ئۇ قەدىمكى مىسىر يېزىقىدىن ئۆزگەرگەن سامى ھەرپلىرىدىن كېلىپ چىققان. ھەرپلىرى جەمئىي 22 بولۇپ، ھەممىسى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. كېيىن فىنىك ھەرپلىرى ئاساسىدا گرېك ھەرپلىرى، گرېك ھەرپلىرى ئاساسىدا لاتىن ۋە سلاۋىيان ھەرپلىرى بارلىققا كەلگەن. دېمەك، فىنىك ئېلىپبەسى ياۋروپادىكى ھەر خىل يېزىقلارنىڭ ئورتاق مەنبەسىدۇر.