ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

27 ئۆ 🔗

ئۆ

ئۆپتۈرمەك

ئۆپچۆرە

ئۆپكە

ئۆپكە قاقماق

ئۆپكەڭنى بېسىۋال

ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلماق

ئۆپكىسى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالماق

ئۆپكىسى تۈگەپ، كانىيى قالماق

ئۆپكىسى قۇرۇپ كەتمەك

ئۆپكىسى كۆرۈنۈپ قالماق

ئۆپكىسىنى بېسىۋالماق

ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قاقماق

ئۆپكىسى ئۆرۈلمەك

ئۆپكىسى يوق

ئۆپكە-زاسۈي

ئۆپكە-ھېسىپ

ئۆپكىدىمەك

ئۆپكىلەتمەك

ئۆپكىلەشمەك

ئۆپكىلىك

ئۆپكىلىمەك

ئۆپلەن

ئۆپمەك

ئۆپۈپ-تېتىپ

ئۆپۈشمەك

ئۆپۈلمەك

ئۆپۈم

ئۆت

ئۆت تېشى كېسىلى

ئۆت خالتىسى ياللۇغى

ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولماق

ئۆتە

ئۆتەتمەك

ئۆتەشمەك

ئۆتەك

ئۆتەگ

ئۆتەڭ

ئۆتەل

ئۆتەلمەك

ئۆتكەل

ئۆتكەمە

ئۆتكەمىدىن ئۆتكۈزمەك

ئۆتكەمىچى

ئۆتكەن

ئۆتكەنگە سالاۋات

ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات

ئۆتكەن-كەچكەن

ئۆتكەنكى

ئۆتكۈر

ئۆتكۈرلەشتۈرمەك

ئۆتكۈرلەشتۈرۈشمەك

ئۆتكۈرلەشتۈرۈلمەك

ئۆتكۈرلەشمەك

ئۆتكۈرلۈك

ئۆتكۈزگۈچ

ئۆتكۈزمەك

ئۆتكۈزۈش

ئۆتكۈزۈشچان

ئۆتكۈزۈشچانلىق

ئۆتكۈزۈشمەك

ئۆتكۈزۈلمەك

ئۆتكۈن

ئۆتكۈن ئۆتمەك

ئۆتكۈنچى

ئۆتكۈنچى يامغۇر

ئۆتمە

ئۆتمەك

ئۆتۈپ كەتكەن

ئۆتمۈش

ئۆتمىتۆشۈك

ئۆتنە

ئۆتنە ئالەم

ئۆتنە جاھان

ئۆتنە-لاپقۇت

ئۆتنە-ياغام

ئۆتنە-يېرىم

ئۆتۈپ-تېشىپ

ئۆتۈشلۈك

ئۆتۈشمە

ئۆتۈشمە قۇدا

ئۆتۈشمە كۆۋرۈك

ئۆتۈشمە يول

ئۆتۈشمەك

ئۆتۈكⅠ

ئۆتۈكⅡ

ئۆتۈكچان

ئۆتۈكچىⅠ

ئۆتۈكچىⅡ

ئۆتۈكلۈك

ئۆتۈلمەك

ئۆتۈمسىز

ئۆتۈمسىز پېئىل

ئۆتۈملۈك

ئۆتۈملۈك پېئىل

ئۆتۈنچ

ئۆتۈنمەك

ئۆتۈنۈشمەك

ئۆتىمەك

ئۆچ

ئۆچەكەشتۈرمەك

ئۆچەكەشمەك

ئۆچكە

ئۆچكە ياغلىرى ئېرىپ كەتمەك

ئۆچكە يۇلغۇن

ئۆچكە يېغىدەك

ئۆچكىئېمەر

ئۆچلەشمەك

ئۆچلۈك

ئۆچمەس

ئۆچمەك

ئۆچمەن

ئۆچمەنلىك

ئۆچۈرتمەك

ئۆچۈرگۈچ

ئۆچۈرمەك

ئۆچۈرۈشمەك

ئۆچۈرۈلمەك

ئۆچىرەت

ئۆچىرەتسىز

ئۆچىرەتلىك

ئۆرە Ⅰ

ئۆرە بولماق

ئۆرە تۇرماق

ئۆرە قىلماق

ئۆرە كېزىك

ئۆرە يۈرمەك

ئۆرەⅡ

ئۆرە-تۆپە

ئۆرەسكەل

ئۆرەنلىمەكⅠ

ئۆرەنلىمەكⅡ

ئۆرپ-ئادەت

ئۆرتەشمەك

ئۆرتەلمەك

ئۆرتەنمەك

ئۆرتىمەك

ئۆردەك

ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك

ئۆردەكنى قونداققا زورلىماق

ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان ئايرىماق

ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان قىلماق

ئۆردىكىنى ئۆردەك، غېزىنى غاز قىلماق

ئۆردەكتۇمشۇق

ئۆركەش

ئۆركەشلەتمەك

ئۆركەشلەنمەك

ئۆركەشلىك

ئۆركەشلىمەك

ئۆركىمەك

ئۆرگۈلەي

ئۆرگۈنەك

ئۆرلەتمەك

ئۆرلەش

ئۆرلەشمەك

ئۆرلىمەك

ئۆرمە

ئۆرمەك

ئۆرمەك چىۋىن

ئۆرنەك

ئۆرنەكلىك

ئۆرۈپ-چۆرۈپ

ئۆرۈتمەكⅠ

ئۆرۈتمەكⅡ

ئۆرۈشتۈرمەك

ئۆرۈشمەكⅠ

ئۆرۈشمەكⅡ

ئۆرۈك

ئۆرۈكلۈك

ئۆرۈلمەكⅠ

ئۆرۈلمەك

ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ

ئۆرۈمⅠ

ئۆرۈمە

ئۆرۈمەكⅠ

ئۆرۈمەكⅡ

ئۆرۈملۈك

ئۆرىتۆپە

ئۆرىتۆپە بولماق

ئۆرىتۆپىلىك

ئۆرىدەشمەك

ئۆرىدەلمەك

ئۆرىدىمەك

ئۆرىلەشمەك

ئۆز

ئۆز ئالدىغا

ئۆز ئايىغىدىن ئۈركۈمەك

ئۆز بېشىدىن قورقماق

ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماق

ئۆز تۈگمىنىگە سۇ قويماق

ئۆز سەنىمىگە دەسسىمەك

ئۆز سەنىمىگە ئۇسسۇل ئوينىماق

ئۆز سۆزلۈك

ئۆز قازىنىنى ئۆزى قايناتماق

ئۆز قوينىغا ئالماق

ئۆز قۇلىقى بىلەن

ئۆز قولىقىغا ئىشەنمەسلىك

ئۆز كۆزىگە ئۆزى ئىشەنمەسلىك

ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماق

ئۆز گۇناھى ئۆزىگە

ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولماق

ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇماق

ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېمەك

ئۆز نۆۋىتىدە

ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىمەك

ئۆزى بىلگەنچە

ئۆزى تاغدا، كۆڭلى باغدا

ئۆزىدىن كەتمەك

ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشمەك

ئۆزىگە ئالماق

ئۆزىگە توپا قوندۇرماسلىق

ئۆزىگە سۇ يۇقتۇرماسلىق

ئۆزىگە قىلماق

ئۆزىگە يارىشا

ئۆزىنى بازارغا سالماق

ئۆزىنى تاشلىۋەتمەك

ئۆزىنى توختاتقان

ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماسلىق

ئۆزىنى كۆرسەتمەك

ئۆزىنىڭ ئاغزى

ئۆزىنىڭ بىلگىنى بىلگەن

ئۆزىنىڭ پاشىسىنى قورۇماق

ئۆزىنىڭ سايىسىغا مۇشت ئاتماق

ئۆزىنى ئۇ دۇنيادا كۆرمەك

ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال

ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇماق

ئۆزئارا

ئۆزەكⅠ

ئۆزەكⅡ

ئۆزەن

ئۆزبەگ-ئۆزخان

ئۆزبېشىمچى

ئۆزبېشىمچىلىق

ئۆزبېك

ئۆبېكچە

ئۆزرە

ئۆزرىخاھلىق

ئۆزرىلىك

ئۆزسىنىشماق

ئۆزسىنماق

ئۆزگە

ئۆزگەرتمەك

ئۆزگەرتىلمەك

ئۆزگەرمەك

ئۆزگەن

ئۆزگىچە

ئۆزگىچىلىك

ئۆزگىرىش

ئۆزگىرىشمەك

ئۆزگىرىشچان

ئۆزگىرىشچان توك

ئۆزگىرىشچانلىق

ئۆزگىرىشسىز

ئۆزگىرىشلىك

ئۆزلە

ئۆزلەشتۈرمە

ئۆزلەشتۈرمەك

ئۆزلەشتۈرۈشمەك

ئۆزلەشتۈرۈلمەك

ئۆزلەش

ئۆزلۈك

ئۆزلۈك ئالماش

ئۆزلۈك دەرىجە

ئۆزلىرى

ئۆزلىشىملىك

ئۆز-ئۆزى

ئۆزۈمچى

ئۆزۈمچىل

ئۆزۈمچىللىك

ئۆزىچە

ئۆسەك

ئۆسەكچى

ئۆستەڭ

ئۆستەڭچى

ئۆستەڭلىك

ئۆستۈرگۈچ

ئۆستۈرمەك

ئۆستۈرۈش

ئۆستۈرۈشمەك

ئۆستۈرۈلمەك

ئۆسكىلەڭ

ئۆسمە

ئۆسمىشۇناس

ئۆسمىشۇناسلىق

ئۆسمەك

ئۆسمۈر

ئۆسمۈرلۈك

ئۆسۈش

ئۆسۈشمەك

ئۆسۈك

ئۆسۈم

ئۆسۈمتە

ئۆسۈمسىز

ئۆسۈملۈكⅠ

ئۆسۈملۈكⅡ

ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى

ئۆسۈملۈكشۇناسلىق

ئۆشە

ئۆشرە

ئۆشرە-زاكات

ئۆشرىچى

ئۆشنەⅠ

ئۆشنەⅡ

ئۆكتە

ئۆكتەبىر

ئۆكتەم

ئۆكتەملىك

ئۆكتىچى

ئۆكتىچىلىك

ئۆكچە

ئۆكچىلىك

ئۆكسۈتمەك

ئۆكسۈز

ئۆكسۈشمەك

ئۆكسۈمەكⅠ

ئۆكسۈمەكⅡ

ئۆكۈز

ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا تەمبۇر چالماق

ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالماق

ئۆكۈزلۈك

ئۆكۈنچ

ئۆكۈنچلۈك

ئۆكۈندۈرمەك

ئۆكۈنمەك

ئۆكۈنۈشمەك

ئۆگە

ئۆگەتكۈچى

ئۆگەتمەك

ئۆگەنچى

ئۆگەنمەك

ئۆگەي

ئۆگەيسىنمەك

ئۆگەيسىنىشمەك

ئۆگەيلەشمەك

ئۆگەيلەنمەك

ئۆگەيلىك

ئۆگەيلىمەك

ئۆگزە

ئۆگزىسىمان گۈل رېتى

ئۆگزىلىك

ئۆگسۈز

ئۆگۈن

ئۆگۈنكى

ئۆگۈنلۈك

ئۆگۈنلۈككە

ئۆگىتىشمەك

ئۆگىتىلمەك

ئۆگىنىش

ئۆگىنىشمەك

ئۆگىنىلمەك

ئۆڭⅠ

ئۆڭ تۇماق

ئۆڭ جۇۋا

ئۆڭى ئۆچمەك

ئۆڭى يامان

ئۆڭⅡ

ئۆڭەر

ئۆڭتۈرتمەك

ئۆڭتۈرمەك

ئۆڭتۈرۈشمەك

ئۆڭتۈرۈلمەك

ئۆڭدۈرمەك

ئۆڭسۈرۈن

ئۆڭسۈل

ئۆڭسۈلى ئۆچمەك

ئۆڭسۈلى يوق

ئۆڭكەر

ئۆڭكۈر

ئۆڭكۈرلۈك

ئۆڭكۈرمەك

ئۆڭگە

ئۆڭگەك

ئۆڭگۈل

ئۆڭلۈك

ئۆڭمەك

ئۆڭۈپ-تاتىرىپ

ئۆڭۈپ-ئۆچۈپ

ئۆڭۈشمەك

ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي

ئۆلەرمەن

ئۆلەرمەنلىك

ئۆلەڭ

ئۆلەڭچى

ئۆلەي

ئۆلەي-ئۆچەي دېگەندە

ئۆلەن

ئۆلتۈرمەك

ئۆلتۈرۈشمەك

ئۆلتۈرۈلمەك

ئۆلچەتمەك

ئۆلچەش

ئۆلچەش ئىلمى

ئۆلچەش-سىزىش

ئۆلچەشمەك

ئۆلچەك

ئۆلچەم

ئۆلچەم بىرلىكلىرى

ئۆلچەمسىز

ئۆلچەمشۇناس

ئۆلچەمشۇناسلىق

ئۆلچەملەشتۈرمەك

ئۆلچەملەشتۈرۈشمەك

ئۆلچەملەشتۈرۈلمەك

ئۆلچەملەشمەك

ئۆلچەملىك

ئۆلچەملىك تىل

ئۆلچەملىك ۋاقىت

ئۆلچەنمەك

ئۆلچىمەك

ئۆلكەⅠ

ئۆلكەⅡ

ئۆلكىلىك

ئۆلگۈچى

ئۆلگۈدەك

ئۆلگۈر

ئۆلمەك

ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇماق

ئۆلۈپ تۇرماق

ئۆلمىگۈر

ئۆلۈشمەك

ئۆلۈك

ئۆلۈك توپا

ئۆلۈكتىن پەيشەنبىلىك تىلىمەك

ئۆلۈك سۇ

ئۆلۈككە جان تىلىمەك

ئۆلۈك مال

ئۆلۈكى ئارتۇق

ئۆلۈكىنى ئارتماق

ئۆلۈكىنى ساتماق

ئۆلۈكخانا

ئۆلۈم

ئۆلۈم بۇرنىغا پۇرىماق

ئۆلۈم جازاسى

ئۆلۈمتۈك

ئۆلۈمتۈكلۈك

ئۆلۈملۈك

ئۆلۈمنامە

ئۆلۈم-يىتىم

ئۆلىما (ئۆلىماسى)

ئۆلىمالىق

ئۆم

ئۆمە-دۆمە

ئۆمەك

ئۆمەكلىك

ئۆمەللەتمەكⅠ

ئۆمەللەتمەكⅡ

ئۆمەللەشمەكⅠ

ئۆمەللەشمەكⅡ

ئۆمەللەنمەكⅠ

ئۆمەللەنمەكⅡ

ئۆمەللىمەكⅠ

ئۆمەللىمەكⅡ

ئۆمچىكلىمەك

ئۆمسە

ئۆمكەن

ئۆمگەك

ئۆمگەن

ئۆملەشتۈرمەك

ئۆملەشمەك

ئۆملۈك

ئۆملۈك دەرىجە

ئۆملۈك سان

ئۆمۈچۈك

ئۆمۈر

ئۆمرىگە كېلىپ

ئۆمۈر بويى

ئۆمۈر سودىسى

ئۆمۈرلۈك

ئۆمۈرۋايەت

ئۆمۈرۋايەتلىك

ئۆمۈلدۈرۈك

ئۆمىلاقمان

ئۆمىلەتمەك

ئۆمىلەشمەك

ئۆمىلىمەك

ئۆنجىمەس

ئۆنچە

ئۆندە

ئۆندەرەتمەك

ئۆندەرەشمەك

ئۆندەرىمەك

ئۆندۈلۈك

ئۆھۆ

ئۆۋەر

ئۆۋەك

ئۆي

ئۆي ئايرىماق

ئۆي بولماق

ئۆي-بىسات

ئۆي تۇتماق

ئۆي تۆشۈكى

ئۆي چېيى

ئۆي كۆتۈرمەك

ئۆينى بېشىغا كىيمەك

ئۆينى پىرقىراتماق

ئۆينى تەۋرەتمەك

ئۆينى چۆرگىلەتمەك

ئۆينى ئوچاق قىلىۋەتمەك

ئۆيىگە چاشقان كىرسە يامانلاپ چىقىدۇ

ئۆيە

ئۆي-ئەنجام

ئۆي-جاي

ئۆي-سەرەمجان

ئۆيسىز

ئۆيسىز-ماكانسىز

ئۆيلەك

ئۆيلەڭ

ئۆيلەندۈرمەك

ئۆيلەنمەك

ئۆيلۈك

ئۆيلۈك-ئوچاقلىق

ئۆيلىمەك

ئۆيلىنىشمەك

ئۆي-ماكان

ئۆي-ماكانسىز

ئۆي-ماكانلىق

ئۆيمەك

ئۆيمۇئۆي

ئۆي-مۈلۈك

ئۆي-ئوچاقلىق

ئۆي-ئورتاقلىق

ئۆيۋاق

ئۆيۋاقلىق

ئۆي-ئىمارەت

ئىزاھى

ئۆ

  • ئۆ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە يەتتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ئۆ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئۆ∥ۆ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئۆ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ۆ∥ئۆ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئۆ».

  • «ئۆ» تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلدىكى رولى جەھەتتىن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇشتۇر.

ئۆپتۈرمەك

  • ئۆپتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆپمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۆپچۆرە

  • ئۆپچۆرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى دائىرىنىڭ يېقىن ئەتراپى، چۆرىسى؛ ئەتراپ:[مىسال:] بىنانىڭ ئۆپچۆرىسى. مەكتەپنىڭ ئۆپچۆرىسى.[يەشمىسى:] ② كۆپىنچە ئورۇن كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ جۈملىدە ئېيتىلغان سان-مىقدارنىڭ ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ پەرىزىگە، مۆلچەرىگە يېقىن، دەل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ، زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ماشىنىدىكى كۆمۈر 6 توننا ئۆپچۆرىسىدە ئىدى.

ئۆپكە

  • ئۆپكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ نەپەسلىنىش ئورگىنى. ئادەملەرنىڭ ئۆپكىسىنىڭ ئىككى قانىتى بولۇپ كۆكرەك بوشلۇقىدا ئوڭ-سولدا بىردىن بولىدۇ، كانايچە بىلەن تۇتىشىدۇ. [يەشمىسى:] ② ھايۋانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان شۇ خىل ئەزاسى:[مىسال:] ئۆپكە قۇيماق. * ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا(ماقال).

ئۆپكە قاقماق

  • ئۆپكە قاقماق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاچچىق قىلماق، ئاچچىقلانماق، تېرىكىپ نارازىلىق بىلدۈرمەك.

ئۆپكەڭنى بېسىۋال

  • ئۆپكەڭنى بېسىۋال[يەشمىسى:] «ھولۇقما، چالۋاقىما، ئېغىر بول، ئاچچىقلانما» دېگەن مەنىلەردىكى ئىبارە:[مىسال:] ئۆپكەڭنى بېسىۋال، چالۋاقاپ كەتمە، دېدى قاسىم.

ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلماق

  • ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلماق[يەشمىسى:] ① نەپىسى بوغۇلماق، نەپىسى قىيىنلاشماق:[مىسال:] يۈگۈرۈۋېرىپ ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ قالاي دېگەن قۇددۇس ئۆيى ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى تۇيماي قالدى.[يەشمىسى:] ② ھودۇقماق:[مىسال:] ئامانقۇل ئايقىزنى بىر قاراپلا تونۇدى-دە، ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ، گەپ قىلالماي قالدى.

ئۆپكىسى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالماق

  • ئۆپكىسى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالماق[يەشمىسى:] «ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلماق»قا قاراڭ.

ئۆپكىسى تۈگەپ، كانىيى قالماق

  • ئۆپكىسى تۈگەپ، كانىيى قالماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ كۆپ، ئاساسىي قىسمى تۈگەپ، ئازلا بىر قىسمى قېلىپ قالماق:[مىسال:] سەن بۇ ئىشنىڭ ئۆپكىسى تۈگەپ، كانىيى قالغاندا كەپسەن، بوپتۇ، ئەمدى قالغىنىنى سەن قىلىۋەت.

ئۆپكىسى قۇرۇپ كەتمەك

  • ئۆپكىسى قۇرۇپ كەتمەك[يەشمىسى:] قاتتىق تەشنا بولماق، قاتتىق ئۇسسىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆپكىسى قۇرۇپ كېتىپتۇ، ئۇسسۇلۇق بەر، دېدى ئايشىخان.

ئۆپكىسى كۆرۈنۈپ قالماق

  • ئۆپكىسى كۆرۈنۈپ قالماق[يەشمىسى:] كارامىتى ئاشكارا بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇلار خەلقنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۆزىنى ھەرقانچە پەردازلىغىنى بىلەن، ئۆپكىسى كۆرۈنۈپ قالدى، خالاس.

ئۆپكىسىنى بېسىۋالماق

  • ئۆپكىسىنى بېسىۋالماق[يەشمىسى:] ئۆزىنى تۇتۇۋالماق، ئۆزىنى تەمكىن، سالماق تۇتماق، تىنچلانماق:[مىسال:] يۈرسىلە، گەپلىرى بولسا ئۆيگە كىرىپ، بىر چىنە ئىسسىق چاي ئىچىپ، ئۆپكىلىرىنى بېسىۋېلىپ دېسىلە.

ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قاقماق

  • ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قاقماق[يەشمىسى:] سەزدۈرمەي، ئەدىپىنى بەرمەك، بىلىندۈرمەي زەربە بەرمەك، زىيان سالماق:[مىسال:] ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن زىۋىرشا غودۇڭشىدى:[مىسال:] «ۋۇي ناكەس ساراڭ، نەدىكى نومۇرى ئاۋۇمايدىغان ئىشلارغا مېنى ئەۋەتىپ ئۆپكەمنى ئىچىمدىن قېقىۋاتىسەنغۇ»

ئۆپكىسى ئۆرۈلمەك

  • ئۆپكىسى ئۆرۈلمەك[يەشمىسى:] كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغقە:[مىسال:] خۇرشىدىخان سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئۇنىڭ راستتىنلا ئۆپكىسى ئۆرۈلگەنىدى.

ئۆپكىسى يوق

  • ئۆپكىسى يوق[يەشمىسى:] ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمەيدىغان، تولىمۇ يەڭگىل، ئالدىراڭغۇ، شاتراق، شاللاق:[مىسال:] قانداق ئۆپكىسى يوق ئاداش بۇ، سەۋر قىلىش كېرەك ئەمەسمۇ

ئۆپكە-زاسۈي

  • ئۆپكە-زاسۈي[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكە، كالا قاتارلىقلارنىڭ ئىچ يۈرۈشى:[مىسال:] قوينىڭ ئۆپكە-زاسۈيىنى پىچاق تەگكۈزمەي ساق ئېلىڭ، ئەتىكى مېھمانغا ئىشلىتىمىز.

ئۆپكە-ھېسىپ

  • ئۆپكە-ھېسىپ[يەشمىسى:] ئۆپكە ۋە ھېسىپ:[مىسال:] ئۆپكە-ھېسىپ تەييارلىماق.

ئۆپكىدىمەك

  • ئۆپكىدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ئۆپكىلىمەك»كە قاراڭ.

ئۆپكىلەتمەك

  • ئۆپكىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئۆپكىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۆپكىلەشمەك

  • ئۆپكىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆپكىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆپكىلىك

  • ئۆپكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆپكىسى بار، ئۆپكىگە ئىگە:[مىسال:] ئۆپكىلىك بېلىق.

ئۆپكىلىمەك

  • ئۆپكىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق:[مىسال:] قەندىل بالام نېمىشقا تاماكا چەكمەستىن ئاۋۋال ئېيتمىدىڭ دېدى ئۇ ئۆپكىلەپ.[يەشمىسى:] ② كۆڭلى بۇزۇلماق، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلىماق:[مىسال:] ئۆپكىلەپ يىغلىماق.

ئۆپلەن

  • ئۆپلەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چاشقان تىپىگە كىرىدىغان بىر خىل جانىۋار.

ئۆپمەك

  • ئۆپمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاغزى بىلەن سۆيمەك، لېۋىنى تەگكۈزۈپ سۆيمەك:[مىسال:] ئۆپتى مەڭزىمدىن شامال مەيىن كېلىپ، گۈل-چېچەكلەر تۆكتى خۇشبۇي باش ئېگىپ.

ئۆپۈپ-تېتىپ

  • ئۆپۈپ-تېتىپ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاماققا كۆڭۈلشىمەيلا ئاغزىنى تەگكۈزۈپ قويۇپ.

ئۆپۈشمەك

  • ئۆپۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆپمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئارچىلار ئۆپۈشۈپ جىلۋىلەنگەندە، ۋۇجۇدۇم سىمابتەك ئاقىدۇ شۇئان.

ئۆپۈلمەك

  • ئۆپۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆپمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۆپۈم

  • ئۆپۈم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۇتۇم، ئوتلام.

ئۆت

  • ئۆت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئۆت سۇيۇقلۇقى ساقلىنىدىغان خالتىسىمان ئورگان. ئۇ جىگەرنىڭ ئوڭ ياپراقچىسى ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆت يولى ئارقىلىق جىگەرگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ.

ئۆت تېشى كېسىلى

  • ئۆت تېشى كېسىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆت خالتىسى ئىچىدە تاش پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك. بۇنىڭدا قورساق قاتتىق ئاغرىيدۇ. بەزىدە يەرقاننىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆت خالتىسى ياللۇغى

  • ئۆت خالتىسى ياللۇغى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] باكتېرىيىلەر بىلەن يۇقۇملىنىش ياكى خىمىيىۋى غىدىقلىنىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆت خالتىسى ياللۇغلىنىش كېسىلى. دائىم ئۆت تېشى كېسىلى بىلەن بىللە يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭدا ئۆتكۈر ئۆت خالتىسى ياللۇغى تۇيۇقسىز پەيدا بولىدۇ، ئۆت تېشى كېسىلىگە ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. سوزۇلمىسىدا ئۇزاق مۇددەتكىچە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ.

ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولماق

  • ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئاچچىقلانماق، ئاچچىقى پەۋقۇلئاددە قاتتىق كەلمەك:[مىسال:] چاققان ئۆيىڭىزگە كېتىڭ، ئېرىڭىزنىڭ ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىپتۇ.

ئۆتە

  • ئۆتە[يەشمىسى:] ① «ئۆتمەك» پېئىلىنىڭ «ئە»لىك رەۋىشدىشى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چېكىدىن ئاشقان، ئۆتۈپ كەتكەن، ھەددىدىن ئارتۇق، ناھايىتى، ئىنتايىن:[مىسال:] ئۆتە زالىم. ئۆتە ھەييار. ئۆتە ساراڭ.

ئۆتەتمەك

  • ئۆتەتمەك[يەشمىسى:] «ئۆتىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ۋەزىپە ئۆتەتمەك. خىزمەت ئۆتەتمەك.

ئۆتەشمەك

  • ئۆتەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆتىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ۋەزىپە ئۆتەشمەك. رەسمىيەت ئۆتەشمەك. ناماز ئۆتەشمەك.

ئۆتەك

  • ئۆتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغلاردا مالچىلار بىر جايدىن يەنە بىر جايغا كۆچكەندە قونۇپ ئۆتىدىغان، قوي قوتانلىرى ۋە ئادەم ئولتۇرىدىغان ئۆيلىرى بار ئۆتەڭ:[مىسال:] ئۇلار قايسىلا ئۆتەككە چۈشكۈن قىلغان بولسا، مالچىلار قوي سويۇپ قىزغىن مېھمان قىلاتتى.

ئۆتەگ

  • ئۆتەگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىچ ئۆتۈپ قېلىش، ئىچى سۈرۈش.

ئۆتەڭ

  • ئۆتەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يولۇچىلار مەنزىل ئارىلىقىدا چۈشۈپ، قونۇپ ئۆتىدىغان دەڭ، سارايلىرى بار جاي:[مىسال:] سالامەت كەلگىنىمىز ئۆزۈم بىلەن سەكسەن يەتتە. ئېغىر يارىدارلارنى ئۆتەڭلەردە تاشلاپ كەلدۇق، دېدى روزىمەت بەگ.

ئۆتەل

  • ئۆتەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتۈنۈش، ئۆتۈنۈپ بېرىش:[مىسال:] ئۆتەل قىلماق.

ئۆتەلمەك

  • ئۆتەلمەك[يەشمىسى:] «ئۆتىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۆتكەل

  • ئۆتكەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆتىدىغان جاي، مۇھىم ئېغىز، مۇھىم يول؛ تۈگۈن:[مىسال:] قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئۆتكەلدە تۇرغان ئىككى قاراۋۇلى جۇۋىغا يۆگىنىپ خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھالقىلىق پەيت، مۇھىم پەيت، ھالقىلىق پۇرسەت:[مىسال:] ئۆتكەلدىن ئۆتمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان جەريان؛ ئىشنىڭ ھالقىسى؛ باسقۇچ:[مىسال:] ئاپتوموبىل ماتورلىرى ئادەتتە ئوتتۇرا ۋە چوڭ رېمونتقا چۈشكەندە بىرمۇنچە تېخنىكىلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتىدۇ.[يەشمىسى:] ④ نىشانلانغان، مۆلچەرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى پەللە:[مىسال:] ئاشلىقتا ئۆتكەلدىن ئۆتۈش — بىزنىڭ نۆۋەتتىكى بىرىنچى ۋەزىپىمىز، دېدى ئۇ جىددىي تۈردە.

ئۆتكەمە

  • ئۆتكەمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي، قوناق قاتارلىق نەرسىلەرنى تاسقايدىغان يۇمىلاق قاسقانلىق، كىرىش ياكى سىم تورلۇق سايمان:[مىسال:] ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ (ماقال).

ئۆتكەمىدىن ئۆتكۈزمەك

  • ئۆتكەمىدىن ئۆتكۈزمەك[يەشمىسى:] «ئەلگەكتىن ئۆتكۈزمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئارقىدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم سۆز قىستۇردى:[مىسال:] بۇ نۆۋەت تېرىقنى راسا بىر تاسقاپ، ئۆتكەمىدىن ئۆتكۈزىدىكەنلا-دە.

ئۆتكەمىچى

  • ئۆتكەمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتكەمە ياسايدىغان ۋە ساتىدىغان كىشى.

ئۆتكەن

  • ئۆتكەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلگىرىكى؛ ئىلگىرى بولۇپ ئۆتۈپ بولغان:[مىسال:] ئۆتكەن ئاي. ئۆتكەن يىل. ئۆتكەن ھەپتە.

ئۆتكەنگە سالاۋات

  • ئۆتكەنگە سالاۋات[يەشمىسى:] «ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات»قا قاراڭ:[مىسال:] دورغا راست ئېيتىدۇ بالام، دېدى مويسىپىت كىشى، ئۆتكەنگە سالاۋات. ھەممىمىزگە تىنچ بولغىنى ئوبدان

ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات

  • ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات[يەشمىسى:] ئۆتكەن ئىش-ھەرىكەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسۇن؛ ئۆتكەن ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالماسلىق، تەرگىمەسلىك، سۈرۈشتە قىلماسلىق كېرەك:[مىسال:] ئەر كىشىنىڭ كۆز يېشى قىز بالىنى ئوڭايلا ئىشەندۈرۈپ قويىدىكەن، ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات، خاپىلىقىم كۆز يېشىم بىلەن تۈگىگەن ئوخشايدۇ.

ئۆتكەن-كەچكەن

  • ئۆتكەن-كەچكەن[يەشمىسى:] ① ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئۆتۈۋاتقان:[مىسال:] ئۆتكەن-كەچكەن يولۇچىلار.[يەشمىسى:] ② بۇرۇن ئۆتكەن، سادىر بولغان؛ بۇرۇنقى، ئۆتكەنكى:[مىسال:] ئۆتكەن-كەچكەن گەپلەر.

ئۆتكەنكى

  • ئۆتكەنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كەتكەن، بۇندىن بۇرۇنقى، بۇرۇنقى چاغلاردىكى:[مىسال:] ئۆتكەنكى ئېغىر كۈنلەر. * بىردىنلا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئۆتكەنكى بىرمۇنچە ئىشلار كەلدى. * ئۇلار ئۆتكەنكى ئادەملەرگە ئوخشىمايتتى.

ئۆتكۈر

  • ئۆتكۈر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى كېسىدىغان، تېز كېسىدىغان، ئۆتىدىغان، ئىتتىك:[مىسال:] ئۆتكۈر پىچاق. ئۆتكۈر قىلىچ. ئۆتكۈر پالتا. * قىلىچتەك ئۆتكۈر بولما، تاياقتەك قوپال بولما (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇچى ئىنچىكە، ئۇچلۇق:[مىسال:] ئۆتكۈر بىگىز. ئۆتكۈر نەيزە. ئۆتكۈر تاش.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياخشى كۆرەلەيدىغان، كۆرۈش كۈچى، ئىقتىدارى كۈچلۈك؛ سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتەلەيدىغان:[مىسال:] ئۆتكۈر كۆز. * كۆزۈڭ نېمىدېگەن ئۆتكۈر، ئۇنى قانداق كۆرۈۋالدىڭ[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سېزىش، بىلىش ئىقتىدارى، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى يۇقىرى ۋە كۈچلۈك؛ زېرەك، زېھىنلىك:[مىسال:] ئۆتكۈر ئوقۇغۇچى. ئۆتكۈر ئادەم. * ئادىل زېھنى ئۆتكۈر، جىگەرلىك بالا ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان، تەسىر قىلىش كۈچى كۈچلۈك، تەسىرلىك:[مىسال:] ئۆتكۈر تىل. ئۆتكۈر شېئىر. * ئۆتكۈر سۆز — ئاتقان ئوق (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىددىي، كەسكىن:[مىسال:] ئۆتكۈر زىددىيەت. * ئۇ ئانا-بالا ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈر ئىختىلاپ مەۋجۇت ئىدى.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈچلۈك؛ ھارارەتلىك:[مىسال:] چاۋار ئويغىنىپ كۆزىنى ئاچتى، دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياشنىڭ ئۆتكۈر نۇرلىرى ئۇنىڭ كۆزىگە سانجىلدى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز تەسىر قىلىدىغان، تەسىر قىلىشى كۈچلۈك:[مىسال:] ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل.[يەشمىسى:] ⑨ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئۆتكۈرلەشتۈرمەك

  • ئۆتكۈرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆتكۈرلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ مەسىلە ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ.

ئۆتكۈرلەشتۈرۈشمەك

  • ئۆتكۈرلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆتكۈرلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆتكۈرلەشتۈرۈلمەك

  • ئۆتكۈرلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆتكۈرلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۆتكۈرلەشمەك

  • ئۆتكۈرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆتكۈر بولماق، ئۆتكۈر ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇ يەرنىڭ جەڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشتى.

ئۆتكۈرلۈك

  • ئۆتكۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتكۈر، ئىتتىك ھالەت، شۇنداق ئالاھىدىلىك:[مىسال:] بۇ يىگىت مەكتەپتىكى چاغدىلا ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، ئۆتكۈرلۈكلۈكى بىلەن باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغانىدى.

ئۆتكۈزگۈچ

  • ئۆتكۈزگۈچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتكۈزۈش، توشۇش رولىنى ئوينايدىغان، ئۆتكۈزىدىغان:[مىسال:] ئۆتكۈزگۈچ جىسىم. ئۆتكۈزگۈچ نەيچە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆتكۈزگۈچ سىم ياكى ئۆتكۈزگۈچ جىسىم:[مىسال:] يېرىم ئۆتكۈزگۈچ.

ئۆتكۈزمەك

  • ئۆتكۈزمەك[يەشمىسى:] «ئۆتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۆتكۈزۈش

  • ئۆتكۈزۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىملارنىڭ ئىسسىقلىق ياكى ئېلېكتر ئېقىمىنى ئۆزىنىڭ بىر قىسمىدىن يەنە بىر قىسمىغا يەتكۈزۈشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىئول<[يەشمىسى:] نېرۋا تالالىرىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى تەسىرلىنىشلەرنى چوڭ مېڭە پوستلىقىغا يەتكۈزۈش ياكى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ پائالىيىتىنى ئەتراپ نېرۋىلىرىغا يەتكۈزۈش جەريانى.

ئۆتكۈزۈشچان

  • ئۆتكۈزۈشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆزىدىن ئىسسىقلىق، تەۋرىنىش، ئېلېكتر توكى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ياخشى ئۆتكۈزىدىغان ۋە چىقىرىدىغان؛ ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] ئۆتكۈزۈشچان جىسىملار.

ئۆتكۈزۈشچانلىق

  • ئۆتكۈزۈشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتكۈزۈش ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] مىسنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئاليۇمىننىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

ئۆتكۈزۈشمەك

  • ئۆتكۈزۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆتكۈزمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار قالغان ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈشكەنمىش.

ئۆتكۈزۈلمەك

  • ئۆتكۈزۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆتكۈزمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] زىياپەت ئەنە شۇ باغقا تۇتاشقان چوڭ زالدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۆتكۈن

  • ئۆتكۈن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتۈش ئۈچۈن ھازىرلانغان جاي، ئارىلىق:[مىسال:] بۇ ئۆي ھەقىقەتەنمۇ ئارىدىكى ئۆتكۈن ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىن-ئەرۋاھ، ئالۋاستى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شوخ؛ يامان، ئەسكى:[مىسال:] ئەي ئوغۇل، بەك ياۋاش بولما ۋە بەك ئۆتكۈن بولما، ئارتۇقچە ياۋاش بولساڭ، خەلق سېنى باسىدۇ، زىيادە ئۆتكۈن بولساڭ، خەلق سەندىن قاچىدۇ.

ئۆتكۈن ئۆتمەك

  • ئۆتكۈن ئۆتمەك[يەشمىسى:] خۇراپىي چۈشەنچىلەر بويىچە بەزى كېچىلىرى جىن-ئەرۋاھلار يىغىلىشىپ، نەغمە-ناۋا بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ ئۆتكەندەك بىلىنمەك:[مىسال:] مەن نەچچە قېتىم بۇ يەردە جىن-شاياتۇنلارنىڭ جاڭ چېلىپ نەغمە قىلغانلىقىنى، ئۆتكۈن ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەن، دېدى باخشى.

ئۆتكۈنچى

  • ئۆتكۈنچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشى:[مىسال:] سادىقنىڭ خەرىتىسىنى يىراق-يېقىندىن بازارغا كەلگەن دېھقانلار، ياشلار، كادىرلار، ئۆتكۈنچىلەر دائىم كۆرۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كېتىدىغان؛ ۋاقىتلىق؛ بىر مەزگىللىك:[مىسال:] ئۆتكۈنچى دەۋر. ئۆتكۈنچى باسقۇچ. ئۆتكۈنچى جەريان.

ئۆتكۈنچى يامغۇر

  • ئۆتكۈنچى يامغۇر[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] يېغىش ۋاقتى نىسبەتەن قىسقا، كۈچىنىش ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ، باشلىنىشى ۋە توختىشى تۇيۇقسىز بولىدىغان بىر خىل يامغۇر. بەزىدە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چاقماق چېقىلىدۇ ۋە گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەيدۇ. كۆپىنچە ئۇ ياز كۈنلىرى ياغىدۇ.

ئۆتمە

  • ئۆتمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتكەن ياكى ئۆتىدىغان. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتكەن توك ياكى ئىسسىقلىق قاتارلىقلار.

ئۆتمەك

  • ئۆتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدىن، ئارىسىدىن، ئۈستىدىن ياكى يېنىدىن يۈرۈپ، ئۇچۇپ يەنە بىر تەرىپىگە يەتمەك:[مىسال:] سۇدىن ئۆتمەك. ئېرىقتىن ئۆتمەك. دەريادىن ئۆتمەك. ئېگىزدىن ئۆتمەك. * ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈچە قازىنىم نەزىر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئارتۇق تەرىپى، ئارتۇقچىلىقى بىلەن باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرماق:[مىسال:] خوتەن بويىچە ئۇنىڭدىن ئۆتىدىغان باي يوق، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنىڭ باشقا تەرىپىگە سىزىپ ياكى تېشىپ چىقماق:[مىسال:] سۇ كاناپتىن ئۆتتى.[يەشمىسى:] ④ نەرسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تېشىپ چىقماق:[مىسال:] مىخ ئۆتمەك. * بېخىلنىڭ تېكىگە بىگىز ئۆتمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ كېسىش، كىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولماق؛ كەسمەك:[مىسال:] لايغا ئۆتمىگەن پىچاق قولغا ئۆتەر (ماقال). * بۇ قايچا چىرايلىق بولغىنى بىلەن تىرناققا ئۆتمەيدىكەن.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىناۋەتكە ئېلىنماق، ئاقماق:[مىسال:] بۇ پۇل بۇ يەردە ئۆتىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەسىر قىلماق؛ ئاقماق:[مىسال:] يالغۇزنىڭ سۆزى ئۆتمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقا بىر تەرەپكە قوشۇلماق، باشقىلار تەرەپدارى بولماق؛ ئاغماق، مايىل بولماق:[مىسال:] دېھقانلار بىز تەرەپكە ئۆتتى.[يەشمىسى:] ⑨ بىرەر نەرسىگە تەسىر قىلماق، يۇقماق (كېسەللىك قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] قوقاق ئۆتمەك. * ئۇنىڭدىكى كېسەل ئەمدى ماڭا ئۆتتى.[يەشمىسى:] 01 بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىشقا كىرىشمەك:[مىسال:] مۇداپىئەگە ئۆتمەك. ھۇجۇمغا ئۆتمەك. ھەرىكەتكە ئۆتمەك.[يەشمىسى:] 11 تەلىم بەرمەك، ئۆگەتمەك:[مىسال:] دەرس ئۆتمەك. * سەن بۈگۈن قايسى دەرسنى ئۆتتۈڭ دەپ سورىدى ماڭا يېقىنراق ئولتۇرغان بىرى يەنە بىرىدىن.[يەشمىسى:] 21 قوبۇل قىلىنماق، كىرمەك:[مىسال:] پارتىيىگە ئۆتمەك. ئىتتىپاققا ئۆتمەك. ھەربىيلىككە ئۆتمەك. ئالىي مەكتەپكە ئۆتمەك.[يەشمىسى:] 31 ۋاقىت، پەيتنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىلغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ داۋام قىلىپ تۈگىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاقتى ئۆتمەك. * ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەنۋەر شەھەرگە كىرىپ چىقماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.[يەشمىسى:] 41 ياشاپ، مەلۇم بىر ياشقا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ھالقىماق، ئاشماق:[مىسال:] ئۇ ھازىر 50 تىن ئۆتتى.[يەشمىسى:] 51 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇرمۇش كەچۈرمەك، ياشىماق:[مىسال:] ئۇ بوۋاي بالىلىرى يوق، يالغۇز ئۆتىدۇ.[يەشمىسى:] 61 ئۆلمەك، ۋاپات بولماق:[مىسال:] ئالەمدىن ئۆتمەك. * ھۈسەيىن ئاكىنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى دۇنيادىن ئۆتكەنىدى.[يەشمىسى:] 71 تۈگىمەك، تامام بولماق، ئاخىرلاشماق:[مىسال:] ياز ئۆتمەك. قىش ئۆتمەك. ئىش ئۆتۈپ كەتمەك.[يەشمىسى:] 81 چىقىۋالماق؛ جېنىنى جان ئەتمەك:[مىسال:] قىشتىن ئۆتمەك. * شۇ قاتتىق كۈنلەردىن قانداق ئۆتتۈڭلار، دەپ سورىدىم مەن ئاپامدىن.[يەشمىسى:] 91 ئۆتكۈزمەك، كەچمەك:[مىسال:] مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ئاز ئەمەس.[يەشمىسى:] 02 كۆز ئالدىدا پەيدا بولماق، گەۋدىلەنمەك؛ كەچمەك؛ كەزمەك:[مىسال:] خىيالىدىن ئۆتمەك. * دادام ئېيتىپ بەرگەن بىر ۋەقە كۆز ئالدىمدىن مارجاندەك تىزىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] 12 رازى بولماق، ئۇنىماق؛ تەستىقلانماق، ماقۇللىماق:[مىسال:] ئىدىيىسىدىن ئۆتمەك. كۆڭلىدىن ئۆتمەك. ماقۇللاشتىن ئۆتمەك.[يەشمىسى:] 22 بىرەر خاتاغا يول قويماق؛ خاتا قىلماق؛ سادىر بولماق، يۈز بەرمەك، ئۆتۈلمەك:[مىسال:] ئۆزۈمدىن ئۆتكەن، قولۇمدىن كەتكەن (ماقال).[يەشمىسى:] 32 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەچۈرمەك، ئەپۇ قىلماق:[مىسال:] بىر قوشۇق قېنىدىن ئۆتمەك. * قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولامدۇ مەن ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئۆتتۈم.[يەشمىسى:] 42 بىرەر دەرىجىگە، تەلەپكە، ئۆلچەمگە توشماق؛ دەرىجىگە توشۇپ سېتىلماق:[مىسال:] بۇ ماللار بازارغا ئۆتمەيدۇ.[يەشمىسى:] 52 بىركىمگە، بىرەر تەرەپكە تەۋە بولماق؛ بىركىمگە تەئەللۇق بولماق، مۈلكىگە ئايلانماق:[مىسال:] بۇ يەر ئەمدى بىزگە ئۆتتى.[يەشمىسى:] 62 تېزىلماق؛ ئېلىنماق؛ ھېسابلانماق:[مىسال:] *ئۇلار تېخى يېقىندىلا شەھەر نوپۇسىغا ئۆتتى.[يەشمىسى:] 72 ھېس قىلىنماق، سېزىلمەك، كۆرۈلمەك:[مىسال:] قەدرى ئۆتمەك.[يەشمىسى:] 82 شاھىت بولماق، ئىسپات بولۇپ بەرمەك:[مىسال:] ئانام يالغان گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشنى رەت قىلغان ۋە شۇ ئازابلار تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.[يەشمىسى:] 92 كۈتۈلگەن بىرەر تەلەپ ياكى چەكتىن ئاشماق، ھالقىلىق پەيتتە سىنالماق:[مىسال:] ئۆتكەلدىن ئۆتمەك. تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەك. ئىمتىھاندىن ئۆتمەك. سىناقتىن ئۆتمەك.[يەشمىسى:] 03 چېتىلما رەۋىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن پېئىللارغا ياندىشىپ كېلىپ، شۇ پېئىل ئىپادىلىگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ تاماملانغانلىق تۈسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بولۇپ ئۆتمەك. چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەك. ئوقۇپ ئۆتمەك. ئېيتىپ ئۆتمەك.

ئۆتۈپ كەتكەن

  • ئۆتۈپ كەتكەن[يەشمىسى:] چېكىدىن ئاشقان، ھەددىدىن ئاشقان، تولىمۇ، بەكمۇ، ناھايىتى:[مىسال:] ئۆتۈپ كەتكەن ھۇرۇن. ئۆتۈپ كەتكەن دۆت. ئۆتۈپ كەتكەن كاززاپ.

ئۆتمۈش

  • ئۆتمۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت، دەۋر، زامان:[مىسال:] ئۆتمۈش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق ئىدى.[يەشمىسى:] ② تارىخ؛ ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، ھادىسىلەر ياكى ۋەقەلەر؛ بۇرۇنقى چاغلاردا بولۇپ ئۆتكەن ئەھۋاللار، يۈز بەرگەن ئىشلار:[مىسال:] شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتمۈش، چۈنكى ئۇ چاغلاردا، دۇنيا بەكمۇ قاراڭغۇ ئىدى.[يەشمىسى:] ③ كىشى ھاياتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن قىسمى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق.

ئۆتمىتۆشۈك

  • ئۆتمىتۆشۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆتمە+تۆشۈك[[يەشمىسى:] ئۇ تەرەپتىن قارىسا بۇ تەرەپ كۆرۈنگۈدەك دەرىجىدە تېشىلگەن، شۇ خىلدىكى نۇرغۇن تۆشۈكلەر ئېچىلغان:[مىسال:] ئۇنىڭ گۈمبەز تاملىرى يىللارنىڭ ئۆتۈشى، بوراننىڭ يالىشى بىلەن ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەنىدى.

ئۆتنە

  • ئۆتنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىركىمدىن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن ئېلىنىدىغان نەرسە:[مىسال:] بىرئاز ئاشلىق ئۆتنە ئالاي دەپ... كىچىكئاخۇن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى قانداق چۈشۈرۈشنى بىلمەي توختاپ قالدى.

ئۆتنە ئالەم

  • ئۆتنە ئالەم[يەشمىسى:] «بىرىگە كەلگەن كۈن يەنە بىرىگىمۇ كېلىدۇ» دېگەن مەنىدىكى بىرىكمە:[مىسال:] شۇنداق، تىلىسەڭ تاپىسەن دېگەن راست ئىكەن. ھېلىقى يەجۈج-مەجۈجلەر ھەممىنى يالماپ يۈرگەن كۈنلەردىمۇ «ئۆتنە ئالەم بۇ، بىزگىمۇ نۆۋەت كېلۇر» دەپ تىلىگەن ئىدىم.

ئۆتنە جاھان

  • ئۆتنە جاھان[يەشمىسى:] «ئۆتنە ئالەم»گە قاراڭ:[مىسال:] بۇ ئۆتنە جاھان، ھېسابلىق ئالەم، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ساپ قېنى بىكار ئېقىۋەرمەيدۇ، دېدى شائىر.

ئۆتنە-لاپقۇت

  • ئۆتنە-لاپقۇت[يەشمىسى:] ئۆتنە ۋە لاپقۇت:[مىسال:] ئۆتنە-لاپقۇت قىلىشماق.

ئۆتنە-ياغام

  • ئۆتنە-ياغام [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «ئۆتنە-يېرىم»گە قاراڭ.

ئۆتنە-يېرىم

  • ئۆتنە-يېرىم[يەشمىسى:] كىشىلەر ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن قىلىشقان ئۆتنە ئېلىش ۋە ئۆتنە بېرىشتەك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت، ئېلىم-بېرىم:[مىسال:] ئۆتنە-يېرىم قىلماق.

ئۆتۈپ-تېشىپ

  • ئۆتۈپ-تېشىپ[يەشمىسى:] باشقىسى تېپىلماي؛ يېڭىلىشىپ، ئۇقۇشماي، خاتا ھالدا؛ يەنە كېلىپ:[مىسال:] راستىنى ئېيتقاندا، سەمەت پەرىزاتنىڭ ئۆتۈپ-تېشىپ مۇشۇ ئابلەقتەك بىر ئادەمنى «مۇلازىمەتچى» لىككە تارتقانلىقىغا بەكمۇ ئەپسۇسلاندى.

ئۆتۈشلۈك

  • ئۆتۈشلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ تۇرىدىغان، ئۆتىدىغان:[مىسال:] بوران ئاقسۇ بازىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى توپىغا تولدۇرۇپ، ئايرىم شامال ئۆتۈشلۈك يەرلەرنى پاكىز سۈپۈرۈۋەتكەندەك تازىلاپ قاتراڭ قىلىپ قويدى.

ئۆتۈشمە

  • ئۆتۈشمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، بىر-بىرىنىڭ ئاستى ياكى ئۈستىدىن ئۆتىدىغان؛ قايچىلاشما:[مىسال:] ئۆتۈشمە شامال. ئۆتۈشمە يول. ئۆتۈشمە كۆۋرۈك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىمنىڭ تۈگمىسى ئېتىلگەندىن كېيىنكى پەش گىرۋەكلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قىسمى.

ئۆتۈشمە قۇدا

  • ئۆتۈشمە قۇدا [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قايچىقۇدا.

ئۆتۈشمە كۆۋرۈك

  • ئۆتۈشمە كۆۋرۈك[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] يوللارنىڭ ستېرېئولۇق كېسىشىدىغان جايلىرىغا سېلىنغان كۆۋرۈك. ئۇنىڭدىن ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشلەردىكى ئاپتوموبىللار بىرلا ۋاقىتتا ئۆتەلەيدۇ.

ئۆتۈشمە يول

  • ئۆتۈشمە يول[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئارقىلىق بىر-بىرىدىن ئۆتۈشتۈرۈلگەن يول.

ئۆتۈشمەك

  • ئۆتۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاسفالتلىق يوللاردا چوڭ-كىچىك ۋە ئاپتوموبىللار ئۇيان-بۇيان ئۆتۈشمەكتە. * ئۇلار رەيھانەم بىلەن كونا دوستلاردەك يېقىن ئۆتۈشەتتى.

ئۆتۈكⅠ

  • ئۆتۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قونچى پۇتنىڭ بۇلجۇڭ گۆشى ياكى تىزىغىچە بارىدىغان، پاشنىلىق ئاياغ كىيىم:[مىسال:] ئۆتۈك كىيمەك.

ئۆتۈكⅡ

  • ئۆتۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كېچىك، دەريانىڭ كېچىكى، دەريانىڭ ئۆتىدىغان يېرى.

ئۆتۈكچان

  • ئۆتۈكچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈك كىيگەن، پۇتىدا ئۆتۈكى بار:[مىسال:] ئۆتۈكچان ئادەم.

ئۆتۈكچىⅠ

  • ئۆتۈكچىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتۈك تىكىدىغان ۋە ساتىدىغان كىشى.

ئۆتۈكچىⅡ

  • ئۆتۈكچىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئۇل<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات، يېتىلگىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك، قاتتىق قېپى بار. لىچىنكىسى ئاقۇچ سېرىق، تېنىدە ئىنچىكە تۈكچىلىرى بولىدۇ. قوغۇن-تاۋۇزنىڭ ئاساسىي زىياندىشى، مېۋە دەرەخلىرى ۋە پۇرچاق تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقىنى يەيدۇ.

ئۆتۈكلۈك

  • ئۆتۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆتۈك كىيگەن، ئايىغىدا ئۆتۈك بار.

ئۆتۈلمەك

  • ئۆتۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەقىللىقنىڭ قەدرى ئەخمەقنىڭ يېنىدا ئۆتۈلەر (ماقال).

ئۆتۈمسىز

  • ئۆتۈمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] مەلۇم شەيئىگە ئۆتىدىغان ھەرىكەتنى بىلدۈرمەيدىغان؛ تولدۇرغۇچى تەلەپ قىلمايدىغان:[مىسال:] ئۆتۈمسىز پېئىللار.

ئۆتۈمسىز پېئىل

  • ئۆتۈمسىز پېئىل[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] مەلۇم شەيئىگە ئۆتىدىغان ھەرىكەتنى بىلدۈرمەيدىغان؛ تولدۇرغۇچى تەلەپ قىلمايدىغان پېئىللار. مەسىلەن: «ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ئۆگىنىشنىڭ دۈشمىنى» دېگەندىكى «قانائەتلىنىش»، «ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش» دېگەندىكى «چۆكۈش»، «گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ سايرىدى بۇلبۇل» دېگەندىكى «سايرىدى» سۆزلىرىگە ئوخشاش.

ئۆتۈملۈك

  • ئۆتۈملۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] چۈشۈم كېلىشتە تۈرلەنگەن سۆزلەرنى ئۆزىگە تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان:[مىسال:] ئۆتۈملۈك پېئىل.

ئۆتۈملۈك پېئىل

  • ئۆتۈملۈك پېئىل[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] شەيئىنى بىۋاسىتە ئوبيېكت قىلغان پېئىللار. ئۆتۈملۈك پېئىل ئۆز ئوبيېكتىنى بىلدۈرگۈچى سۆزنىڭ چۈشۈم كېلىشتە كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، «ئىنتىزام تەربىيىسىنى كۈچەيتىش» دېگەندىكى «كۈچەيتىش»، «ۋەتەننى سۆيۈش» دېگەندىكى «سۆيۈش» سۆزلىرىگە ئوخشاش.

ئۆتۈنچ

  • ئۆتۈنچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلتىماس، ئۆتۈنۈش:[مىسال:] سىلىگە بىر ئۆتۈنچىم بار، ئۇستام، ئۆيۈم مانا مۇشۇ يەردىلا، كۆپ ھايال قىلمايمەن، بېرىپ بىر پىيالە چېيىمنى ئىچىپ كەتسىلە، دەپتۇ بالا.

ئۆتۈنمەك

  • ئۆتۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئىلتىماس قىلماق، سەمىمىي تەلەپ قىلماق، تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىماق:[مىسال:] مېنىڭ ئىشىمنى تېزراق ھەل قىلىپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.[يەشمىسى:] ② تەقدىم قىلماق، ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بەرمەك:[مىسال:] مەن بۇ كىتابنى سىزگە ئۆتۈندىم. * پادىشاھ قېرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوغلىغا ئۆز تەختىنى ئۆتۈنۈپتۇ.

ئۆتۈنۈشمەك

  • ئۆتۈنۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆتۈنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆتىمەك

  • ئۆتىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئادا قىلماق، ئورۇنلىماق، بېجىرمەك، ئىشلىمەك:[مىسال:] ۋەزىپە ئۆتىمەك. مەجبۇرىيەت ئۆتىمەك. *كىشىنىڭ تاھارىتىدە ناماز ئۆتەپتۇ (ماقال).

ئۆچ

  • ئۆچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىساس، ئىنتىقام، ئۆچمەنلىك:[مىسال:] ئۆچ ئالماق. ئۆچىنى چىقارماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يامان كۆرىدىغان، ياقتۇرمايدىغان، بىزار، ئامراق ئەمەس:[مىسال:] مەن تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئۆچ.

ئۆچەكەشتۈرمەك

  • ئۆچەكەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆچەكەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تۈرلۈك يوللار بىلەن ئەسكەرلەرنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆچەكەشتۈرۈپ، شۇلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان.

ئۆچەكەشمەك

  • ئۆچەكەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ مەنپەئىتىگە، شەخسىيىتىگە تېگىش ئۈچۈن ئاتايىن ياكى مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭغا زىت ئىش تۇتماق؛ زىتلاشماق، ئۆچلەشمەك:[مىسال:] بىزنىڭ سىنىپتا نىجات دەيدىغان بىرنېمە بار، مەن بىلەنلا ئۆچەكىشىدۇ.

ئۆچكە

  • ئۆچكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، مۇڭگۈزىنىڭ تۈۋى قىسمى ئۈچ بۇرجەك، ئۇچى ئارقىغا قايرىلغان بولىدۇ. پۇتلىرى كۈچلۈك بولۇپ، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ. تۈكلىرى تۈز بولىدۇ. ئەركىكى ساقاللىق كېلىدۇ. تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلىگىلى ۋە كىيىم تىككىلى بولىدۇ. سۈتى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئۆچكە ياغلىرى ئېرىپ كەتمەك

  • ئۆچكە ياغلىرى ئېرىپ كەتمەك[يەشمىسى:] كىشى بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ناھايىتى ئاسان يۇمشاپ مېھرىبانلىقى تۇتماق:[مىسال:] ئابدۇللا باشقىلارنى قىيىن ئەھۋالدا كۆرسە ئىچى كۆيۈپ، ئۆچكە ياغلىرى ئېرىپ كېتىدىغان ئادەم ئىدى.

ئۆچكە يۇلغۇن

  • ئۆچكە يۇلغۇن[يەشمىسى:] رەڭگى سارغۇچ، ئۇششاق تۈككە ئوخشاش تىكەنلىكرەك بولىدىغان، چۈرۈك، سۇندۇرسا چورتلا سۇنىدىغان، سېرىق چېچەكلەيدىغان يۇلغۇن.

ئۆچكە يېغىدەك

  • ئۆچكە يېغىدەك[يەشمىسى:] كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتتە، مۇئامىلىدە ناھايىتى ئاسان يۇمشايدىغان، ئېرىيدىغان ۋە ناھايىتى ئاسان قاتىدىغان:[مىسال:] ئۆچكە يېغىدەك ئادەم.

ئۆچكىئېمەر

  • ئۆچكىئېمەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆچكە+ئېمەر[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچىلەر سىنىپى، كېلەر ئائىلىسىدىكى ھايۋان. ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر كېلىدۇ. دۈمبىسى قارامتۇل زەيتۇن رەڭلىك، ئاچ سېرىق سەپكۈنلىرى بار. قورساق تەرىپى سېرىق، قۇيرۇقى سەل ياپىلاق، سۇغا يېقىن جايلاردا ياشايدۇ. سۇ ئۈزەلەيدۇ، پاقا، يىلان، كىچىك قۇش قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ.

ئۆچلەشمەك

  • ئۆچلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆچ بولۇپ قېلىشماق، زىتلاشماق، دۈشمەنلەشمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىر-بىرىگە خۇددى دۈشمەندەك ئۆچلىشىپ كەتتى.

ئۆچلۈك

  • ئۆچلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆچ كۆرۈش، بىزارلىق تۇيغۇسى:[مىسال:] ئۆچلۈك قىلماق. * ئۇنىڭ كۆڭۈلگە غەشلىك سالىدىغان قىياپىتىنى كۆرۈپ مېنىڭ ئۆچلۈكۈم كەلگەندەك بولدى.

ئۆچمەس

  • ئۆچمەس[يەشمىسى:] ① «ئۆچمەك» پېئىلىنىڭ بولۇشسىز سۈپەتدىشى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەڭگۈ يوقالمايدىغان، مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان، ئۇنتۇلماس:[مىسال:] ئۆچمەس ئىز.* ئۇ بۇنىڭ بىلەن يىراقتىكى يارىغا بولغان ئۆچمەس مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيتتى.

ئۆچمەك

  • ئۆچمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېنىشتىن، يالقۇنجاشتىن، كۆيۈشتىن توختىماق:[مىسال:] چىراغ ئۆچمەك. ئوت ئۆچمەك.[يەشمىسى:] ② يوقالماق، غايىب بولماق، يوق بولماق:[مىسال:] ئاۋاز ئۆچمەك. * شۇ زامان ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلۈمسىرەش ئۆچتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇنتۇلماق، ئۇنتۇلۇپ كەتمەك؛ ئەستىن، كۆڭۈلدىن كۆتۈرۈلمەك؛ يوقىماق:[مىسال:] يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن (ماقال). * يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ «خالۋاپ» دېگەن بىر چىرايلىق يارىشىملىق نامىمۇ ئۆچتى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسە يۈزىگە چىقىرىلغان بەلگە، خەت قاتارلىقلار چىقىپ كەتمەك، يوقاپ كەتمەك:[مىسال:] خەت ئۆچمەك. ئىزى ئۆچمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خىرەلەشمەك، ئۆڭمەك، ئۆزگەرمەك، باشقىچە ھالەتكە كىرمەك:[مىسال:] ئايىمگۈلنىڭ رەڭگى ئۆچتى. بېشىدا باشقىچە پىكىرلەر پەيدا بولۇپ، ئەندىشىگە چۈشتى.[يەشمىسى:] ⑥ سەپتىن ياكى تىزىملىكتىن، ھېسابتىن چىقماق:[مىسال:] رويخەتتىن ئۆچمەك.

ئۆچمەن

  • ئۆچمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆچ، ئامراق ئەمەس:[مىسال:] زىمىستان قۇزغۇنى دائىم باھارغا كۆڭلىدىن ئۆچمەن، تىرىلمەك قەستىدە قۇتراپ تىنىم تاپماس ياۋۇز دۈشمەن.

ئۆچمەنلىك

  • ئۆچمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ قىلغان يامانلىقى، يەتكۈزگەن زىيىنى، زەرەرى قاتارلىقلار تۈپەيلى كۆڭلىدە پەيدا بولغان ئۆچلۈك ھېس-تۇيغۇسى؛ ئۆچلۈك، ئاداۋەت، غۇم:[مىسال:] ئۆچمەنلىك قىلماق.

ئۆچۈرتمەك

  • ئۆچۈرتمەك[يەشمىسى:] «ئۆچۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ شۇ يەردىلا بوغالتىرنى چاقىرىپ بۇرۇنقى ئەمگەك نومۇرىدىن 20 گۇڭنى ئۆچۈرتتى.

ئۆچۈرگۈچ

  • ئۆچۈرگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قېرىنداش ۋە ياكى شۇ خىلدىكى قەلەملەر بىلەن يېزىلغان خەتلەرنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ياسالغان بۇيۇم:[مىسال:] ماڭا ئۆچۈرگۈچتىن ئوننى بەرسىلە، دېدىم دۇكانچىغا.[يەشمىسى:] ② بور بىلەن يېزىلغان خەتلەرنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن، كىچىك تاختايغا كىگىز ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنى مىخلاش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بۇيۇم ياكى شۇنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغان باشقا نەرسە:[مىسال:] ئۆچۈرگۈچ بىلەن دوسكىنى ئۆچۈرمەك.

ئۆچۈرمەك

  • ئۆچۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆچمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوتنى ئۆچۈرمەك. * كېتىمەن دەپ ئوتۇڭنى ئۆچۈرمە (ماقال). * تۆرەم دەرھال چىراغنى ئۆچۈرۈپ كۆزىنى يۇمۇۋالدى.

ئۆچۈرۈشمەك

  • ئۆچۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆچۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆچۈرۈلمەك

  • ئۆچۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆچۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايال يېنىك ھەرىكەت بىلەن ئۆيدىن چىقتى-دە، چىراغ ئۆچۈرۈلدى.

ئۆچىرەت

  • ئۆچىرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئادەملەرنىڭ تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان رەت، قاتار:[مىسال:] ئۆچىرەتتە تۇرماق. ئۆچىرەت بىلەن ئالماق.[يەشمىسى:] ② نۆۋەت:[مىسال:] ئۆچىرىتى كەلمەك.

ئۆچىرەتسىز

  • ئۆچىرەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆچىرىتى يوق، ئۆچىرەتتە تۇرمىغان، قالايمىقان، رەتسىز.

ئۆچىرەتلىك

  • ئۆچىرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆچىرىتى بار، ئۆچىرەت ھالىتىدىكى، ئۆچىرەتكە تىزىلىپ تۇرغان.

ئۆرە Ⅰ

  • ئۆرە Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقا جايغا نىسبەتەن ئېگىز، يۇقىرى:[مىسال:] بۇ يەر بەك ئۆرە ئىكەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىك، يېتىۋالمىغان:[مىسال:] ئورە ياقا. ئۆرە ياقىلىق چاپان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تىك ھالەتتە، تىكلەنگەن قىياپەتتە:[مىسال:] ئۆرە تۇرماق. ئۆرە ئولتۇرماق. ئۆرە مېڭىپ يۈرمەك.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باھاسى، قىممىتى جەھەتتىن يۇقىرى، ئۈستۈن؛ قىممەت:[مىسال:] ئۆرە باھا.[يەشمىسى:] ⑤ گىرۋەكلىرى تىك، يايپاڭ ئەمەس:[مىسال:] ئۆرە چۆچەك

ئۆرە بولماق

  • ئۆرە بولماق[يەشمىسى:] ① ئۆرە، تىك ھالەتكە كەلمەك؛ تىكلەنمەك؛ قوپماق:[مىسال:] گۈلچىمەن نازۇك بىلەكلىرى بىلەن تايىنىپ ئۆرە بولدى ۋە قولىغا دۇتارنى ئالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] روناق تاپماق، قەددى رۇسلانماق:[مىسال:] بىز مۇشۇ قېتىمقى قوي تېرىسى بىلەن ئۆرە بولدۇق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كېسەلدىن ساقايماق، تۈزەلمەك، ياخشى بولماق:[مىسال:] ئاپام شۇ يىللىرى كېسەلدىن ئۆرە بولالماي قازا قىلىپ كەتكەن، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ④ قىممەتلەشمەك:[مىسال:] ۋاھ، بۇ بەك ئۆرە بولۇپ كەتتى، سېتىۋالالمىغۇدەكمەن، دېدى ئۇ.

ئۆرە تۇرماق

  • ئۆرە تۇرماق[يەشمىسى:] ① ساق، جانلىق بولماق:[مىسال:] ئادەم ئاش بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، ئاش يەۋال، دېدى ئانا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۈرۈشمەك، روناق تاپماق؛ تەرەققىي قىلماق، گۈللەنمەك:[مىسال:] ھازىرقى دۇنيا ئىلىم-پەن بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتىدۇ. زامان يەنە تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ياش-ئۆسمۈرلەر بىزنىڭ كېلىچەكىمىز، بالىلىرىمىز ئەلۋەتتە ئوقۇپ، بىلىم ئېلىشى كېرەك.

ئۆرە قىلماق

  • ئۆرە قىلماق[يەشمىسى:] ① ئۆرە، تىك ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ تىكلىمەك:[مىسال:] ئاسىم بېشىنى سەل ئۆرە قىلىپ ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② بەرپا قىلماق، بىنا قىلماق، ۋۇجۇدقا چىقارماق:[مىسال:] قېيناتامنىڭ ئىچ ئاغرىتىپ ئاز-تولا پۇل چاپلاپ بېرىشى بىلەن ئۆرە قىلغان ئېشەك ھارۋىمىزنى تارتىپ كەلدىڭلار، دېدىم مەن ھېلىقى مۇتتەھەمگە.[يەشمىسى:] ③ كېسەلدىن ساقايتماق:[مىسال:] مىڭ تەستە ئەمدى ئۆرە قىلدىم. يەنە ئىشلىسە، ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.

ئۆرە كېزىك

  • ئۆرە كېزىك[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۈچەي يوللىرىدا بولىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل، ئۆرە كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ كېسەل ئالامەتلىرى كېزىكنىڭكىدىن سەل يېنىك، كېسەل بولۇش ۋاقتى كېزىكنىڭكىدىن سەل قىسقا بولىدۇ.

ئۆرە يۈرمەك

  • ئۆرە يۈرمەك[يەشمىسى:] سالامەت ھەرىكەت قىلماق، تۇرمۇش كەچۈمەك:[مىسال:] مەن مۇشۇ ئوكۇل بىلەن ئۆرە يۈرۈۋاتىمەن.

ئۆرەⅡ

  • ئۆرەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خۇددى، بەئەينى:[مىسال:] بۇ بالا ئۆرە دادىسىغا ئوخشايدىكەن.

ئۆرە-تۆپە

  • ئۆرە-تۆپە[يەشمىسى:] قالايمىقان، رەتسىز، مالىماتاڭ.

ئۆرەسكەل

  • ئۆرەسكەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاجايىپ، غەلىتە، قاملاشمىغان، ئەپلەشمىگەن.

ئۆرەنلىمەكⅠ

  • ئۆرەنلىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالدى پۇتلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆرە بولماق (ئات-ئېشەكلەر ھەققىدە):[مىسال:] توساتتىن ئېتىم كىشنەپ، تىزگىنىنى تارتقىنىمغا ئۇنىماي چاپچىپ ئۆرەنلىدى.

ئۆرەنلىمەكⅡ

  • ئۆرەنلىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۆۋىلىمەك، ئىگىزلەتمەك.

ئۆرپ-ئادەت

  • ئۆرپ-ئادەت[يەشمىسى:] ئومۇمەن بىرەر خەلق ياكى مىللەتكە بىرقەدەر ئورتاق بولغان ۋە شۇ خەلق، مىللەت ئىچىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يوسۇن، ئادەت؛ قائىدە-يوسۇن:[مىسال:] ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى.

ئۆرتەشمەك

  • ئۆرتەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆرتىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆرتەلمەك

  • ئۆرتەلمەك[يەشمىسى:] «ئۆرتىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەنسۇرنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆرتىلىۋاتقان قەلبى ئاستا-ئاستا تەسەللى تاپتى.

ئۆرتەنمەك

  • ئۆرتەنمەك[يەشمىسى:] «ئۆرتىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ تاپتا ئۇ پۇشايمان، خىجىللىق ۋە ئېچىنىش ئىلكىدە ئۆرتىنىۋاتاتتى.

ئۆرتىمەك

  • ئۆرتىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆيدۈرمەك:[مىسال:] بولدى ياۋۇز ئەجدىھا، قىزنى يۇتۇپ كەتمەكچى ئۇنىڭ يۇمران تېنىنى ئۆرتەپ كاۋاپ ئەتمەكچى[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم بىلەن قىينىماق، ئازابلىماق:[مىسال:] يۈرىكىنى ئۆرتىمەك. * ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزى ھېس قىلالمايدىغان قانداقتۇر بىر يالقۇن ئۆرتىمەكتە ئىدى.

ئۆردەك

  • ئۆردەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئائىلىسى. تۇمشۇقى ياپىلاق، پۇتى قىسقا، بارماق ئارىلىقىدا پەنجىسى بار، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر. ئۆي ئۆردىكى ۋە ياۋا ئۆردەك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. گۆشىنى يېيىشكە، پەيلىرىدىن ياستۇق، يوتقان قىلىشقا بولىدۇ.

ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك

  • ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك[يەشمىسى:] خاتالىق-كەمچىلىك، ئەيىب-نۇقسان قاتارلىقلارنى قىلچە بوينىغا ئالمىغانلىقنى، تەنقىد، تەنبىھلەرنىڭ تەسىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] قادىر خۇددى قۇمدىن سۈزۈپ ئېلىنغان ئالتۇنغا ئوخشايدۇ. بۇ گەپ-سۆزلەر قادىرغا قىلىنغان بىر تۆھمەت بولۇپ، ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك، ئۇنىڭغىمۇ يۇقمايدۇ.

ئۆردەكنى قونداققا زورلىماق

  • ئۆردەكنى قونداققا زورلىماق[يەشمىسى:] زادى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا قىستىماق:[مىسال:] مۇنداق ئۆردەكنى قونداققا زورلايدىغان ئەخمەقلىقنى ئەمدى قىلما.

ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان ئايرىماق

  • ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان ئايرىماق[يەشمىسى:] «ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان قىلماق»قا قاراڭ.

ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان قىلماق

  • ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان قىلماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىۋەتمەك؛ ھەقنى ھەق، ناھەقنى ناھەق، ياخشىسىنى ياخشى، يامىنىنى يامان قىلىپ ئايرىماق:[مىسال:] ئۇ بازار بېگى بايىقىدەك ھۆرپەيسىلا، ئارىدىكى ئىشنىڭ ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان قىلىپ تاشلايتتى.

ئۆردىكىنى ئۆردەك، غېزىنى غاز قىلماق

  • ئۆردىكىنى ئۆردەك، غېزىنى غاز قىلماق[يەشمىسى:] «ئۆردىكىنى ئۇيان، غېزىنى بۇيان قىلماق»قا قاراڭ.

ئۆردەكتۇمشۇق

  • ئۆردەكتۇمشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆردەك+تۇمشۇق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى سېمىز، لېكىن ياپىلاق، قۇيرۇقى قىسقا ھەم كەڭ. تۇمشۇقى ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ. تۈكلىرى ئىنچىكە ھەم زىچ، قېنىق قوڭۇر، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، چىشىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسى بولمايدۇ.

ئۆركەش

  • ئۆركەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەريا، دېڭىز سۇلىرىنىڭ بوران تەسىرىدە داۋالغۇپ ھاسىل بولغان دولقۇنىنىڭ يۇقىرىغا تىك كۆتۈرۈلگەن قىسمى؛ سۇنىڭ داۋالغۇپ ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى؛ دولقۇن:[مىسال:] ئۇ تۆۋەندە ئۆركەش ياساپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ ھەيۋەتلىك ئېقىمىغا بىرپەس قاراپ، ئاندىن توختىغا يۈزلەندى.[يەشمىسى:] ② تۆگىنىڭ دۈمبىسىدە بىر ياكى ئىككىلا بولىدىغان، قېلىن ۋە يوغان ياغ قاتلىمىدىن ئىبارەت چوقچىيىپ تۇرىدىغان ئۆسمە؛ لوككا:[مىسال:] تۆگىنىڭ ئۆركىشى.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئۆركەشلەتمەك

  • ئۆركەشلەتمەك[يەشمىسى:] «ئۆركەشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاتتىق بوران دېڭىز سۇلىرىنى ئۆركەشلىتىدۇ.

ئۆركەشلەنمەك

  • ئۆركەشلەنمەك[يەشمىسى:] «ئۆركەشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بارىدۇ قەلبىم خۇشال بويلاپ تۈمەن، بىللىلا ئۆركەشلىنىپ ئويناپ بەلەن.

ئۆركەشلىك

  • ئۆركەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆركەشلىنىپ ئاققان، ئۆركەشلەنگەن، دولقۇنلانغان:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، سال سەپەرنىڭ ئۈچىنچى كۈنى چۈشكە يېقىن ئۆركەشلىك، تېز ئاقىدىغان ئىلى دەرياسىغا چىقتى.[يەشمىسى:] ② ئۆركىشى بار:[مىسال:] بىر ئۆركەشلىك تۆگە. ئىككى ئۆركەشلىك تۆگە.

ئۆركەشلىمەك

  • ئۆركەشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆركەش پەيدا قىلماق، ئۆركەش ياسىماق، دولقۇن ھاسىل قىلماق، دولقۇنلىماق:[مىسال:] مەن دەريادا تولۇپ ئېقىۋاتقان سۇغا قارىدىم، سۇ شىددەت بىلەن ئۆركەشلەيتتى.[يەشمىسى:] ② جۇشقۇنلانماق، جۇش ئۇرماق، جانلانماق:[مىسال:] ئىككى ئالىقىنىمنى بېشىمغا قويۇپ تورۇسقا قاراپ ياتماقتىمەن، كاللامدا خىياللار ئۆركەشلەيتتى.

ئۆركىمەك

  • ئۆركىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆكرەكنى كۆكرەككە ياكى باشقا نەرسىگە ياقماق، سۈركىمەك.

ئۆرگۈلەي

  • ئۆرگۈلەي[يەشمىسى:] ① «ئۆرگۈلمەك» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىنىڭⅠشەخس بىرلىكى. [يەشمىسى:] ② «ئايلىناي» دېگەن مەنىدە قوللىنىلىنىدۇ:[مىسال:] چالغان راۋابىڭدىن، ئېيتقان ناخشاڭدىن ئۆرگۈلەي يىگىت.

ئۆرگۈنەك

  • ئۆرگۈنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئەنجىبار»غا قاراڭ.

ئۆرلەتمەك

  • ئۆرلەتمەك[يەشمىسى:] «ئۆرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇنى ئۆرلەتمەك. چاينى ئۆرلەتمەك.

ئۆرلەش

  • ئۆرلەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] توق (قورساق ھەققىدە).

ئۆرلەشمەك

  • ئۆرلەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆرلىمەك

  • ئۆرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] توپ ئۆرلىمەك. كەپتەر ئاسمانغا ئۆرلىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر يۇقىرى تەرەپكە ياكى جايغا، دۆڭلۈك، تۆپىلىككە قاراپ يۈرمەك، چىقماق:[مىسال:] بىز تاغ باغرىغا ئۆرلەپ ماڭدۇق. * ئۇلار سۇنىڭ يۇقىرىسىغا قاراپ ئۆرلەپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ كۆتۈرۈلمەك، ئاشماق:[مىسال:] قىزىتمىسى ئۆرلىمەك. سەپراسى ئۆرلىمەك. غەزىپى ئۆرلىمەك.[يەشمىسى:] ④ قىممەتلىمەك، ئۆسمەك:[مىسال:] مال باھاسى ئۆرلىمەك. بېلەت باھاسى ئۆرلىمەك.[يەشمىسى:] ⑤ قاينىماق:[مىسال:] چۆگۈندىكى چاي ئۆرلىدى.[يەشمىسى:] ⑥ كۆپمەك، ئېچىماق:[مىسال:] خېمىر ئۆرلىمەك.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۈكسەلمەك، راۋاجلانماق، راۋاج تاپماق:[مىسال:] ئۇلار داۋاملىق تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلىدى.

ئۆرمە

  • ئۆرمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆرۈلگەن، توقۇلغان ياكى ئۆرۈپ تەييارلانغان:[مىسال:] ئۆرمە چاچ. ئۆرمە قامچا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «باش-كۆزىدىن سەدىقە بولار» دېگەن مەقسەتتە كىشى بېشىدىن ئۆرىيدىغان پۇل ۋە ياكى شۇنىڭ ئورنىدىكى نەرسە:[مىسال:] ئۆرمە قىلماق. * غۇلامجان، ماۋۇ پۇلنى ئۆرمە قىلىۋەتكىنە، دېدى ئۇ غۇلامغا.

ئۆرمەك

  • ئۆرمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىلتاغار.

ئۆرمەك چىۋىن

  • ئۆرمەك چىۋىن [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆمۈچۈك.

ئۆرنەك

  • ئۆرنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشىغا، قىلىشىغا، ئىشلىشىگە ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە شۇنداق ئۈلگە بولىدىغان نەرسە:[مىسال:] ئۆرنەك ئالماق. ئۆرنەك قىلماق.[يەشمىسى:] ② باشقىلار ئەگەشسە، ئۆگەنسە، ئەرزىيدىغان ئىش ياكى ھەرىكەت نەمۇنىسى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىلغارلىق نەمۇنىسى؛ ئۈلگە:[مىسال:] تاشۋاي پەدە بېسىشتىن زەخمەك ئۇرۇشقىچە زېرىكمەي-تېرىكمەي ئۆگىتەتتى، ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكا ئاھاڭلارنى چېلىپ ئۆرنەك كۆرسىتەتتى.

ئۆرنەكلىك

  • ئۆرنەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆرنەك بولىدىغان، ئۆرنەك قىلارلىق، ئۈلگىلىك:[مىسال:] ماياكوۋىسكىنىڭ ئىنقىلابىي شېئىرى ئۇسلۇبى ئۇنىڭغا ئۆرنەكلىك رول ئوينىدى.

ئۆرۈپ-چۆرۈپ

  • ئۆرۈپ-چۆرۈپ[يەشمىسى:] ئۆرۈپ ھەم چۆرۈپ، ئۇيان ئۆرۈپ، بۇيان ئۆرۈپ:[مىسال:] ئىبراھىم ئاكا ئۆزىنى يەنە دىۋانغا تاشلاپ باياتىن ئالدى-ئارقىسىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ نەچچە رەت ئوقۇپ بولغان گېزىتنى يەنە قولىغا ئالدى.

ئۆرۈتمەكⅠ

  • ئۆرۈتمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئۆرۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تامنى ئۆرۈتمەك. * ئۇ چۈشىنى ئۆرۈتمەك بولۇپ مۇشاۋىرنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.

ئۆرۈتمەكⅡ

  • ئۆرۈتمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئۆرۈمەكⅡ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۆرۈشتۈرمەك

  • ئۆرۈشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆرۈش ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماق، ئۆرۈمەك:[مىسال:] مەن ئۆينى يىڭنە ئاختۇرغاندەك ئاختۇردۇم، ھەتتا يوتقان-كۆرپە، كىگىز-پالاسلارنىمۇ ئۆرۈشتۈرۈپ مالىماتاڭ قىلىۋەتتىم. ئەمما ھېچنېمە تاپالمىدىم.

ئۆرۈشمەكⅠ

  • ئۆرۈشمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئۆرۈمەكⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار چاچلىرىنى ئۆرۈشتى.

ئۆرۈشمەكⅡ

  • ئۆرۈشمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئۆرۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كونا ئۆيلەرنى ئۆرۈشمەك. دەرەخلەرنى ئۆرۈشمەك.

ئۆرۈك

  • ئۆرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك، گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاق ياكى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك. ئۈچكىلىك مېۋىسى دۈگىلەك، پىشقاندا سارغىيىدۇ، تەمى تاتلىق. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئۆرۈكلۈك

  • ئۆرۈكلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆرۈك دەرىخى بار، ئۆرۈك دەرىخى كۆپ تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن، ئۆرۈك تىكىلگەن:[مىسال:] ئۆرۈكلۈك باغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆرۈك كۆپ تىكىلگەن يەر، ئۆرۈك كۆپ ئۆستۈرۈلگەن، ئۆرۈك ئاساس قىلىنغان باغ:[مىسال:] ئۆرۈكلۈككە كىرمەك. ئۆرۈكلۈككە بارماق.

ئۆرۈلمەكⅠ

  • ئۆرۈلمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئۆرۈمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چاچ ئۆرۈلمەك. قامچا ئۆرۈلمەك.

ئۆرۈلمەك

  • ئۆرۈلمەك[يەشمىسى:] ① Ⅱ«ئۆرۈمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تام ئۆرۈلمەك. ھارۋا ئۆرۈلمەك. ئۆي ئۆرۈلمەك.[يەشمىسى:] ② «ئۆرۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ يەنە نېمىلەرنىدۇر غودۇڭشىغاندەك لەۋلىرىنى قىمىرلاتقىنىچە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى.[يەشمىسى:] ③ ئاغدۇرۇلماق، بىرقىسما بولۇپ قالماق:[مىسال:] غەزەپلەنگەنلىكىدىن پاششاپ بېگىنىڭ كۆزلىرى ئۆرۈلۈپ، قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ باشلانماق (يىل ھەققىدە):[مىسال:] مانا يەنە يىل ئۆرۈلدى، قارلار ئېرىپ، مەجنۇن تاللار باھاردىن دېرەك بېرىپ نوتا سۈردى.[يەشمىسى:] ⑤ ئايلانماق، ئۆزگەرمەك:[مىسال:] گۈلەمخاننىڭ قوش پۆپۈكى يەرگە سۆرەلدى. يۈرەكتىكى سېرىق سۇلار، قانغا ئۆرۈلدى.

ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ

  • ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ[يەشمىسى:] ئۆرۈلۈپ ھەم چۆرۈلۈپ، بۇ تەرەپ ئۆرۈلۈپ، ئۇ تەرەپ ئۆرۈلۈپ؛ ئۇ ياق، بۇ ياقلارنى ئايلىنىپ:[مىسال:] ئۆرۈلەرسىز، چۆرۈلەرسىز توقۇناق بېشى بىزدە... دېگەندەك، ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ يەنە كەلدىم.

ئۆرۈمⅠ

  • ئۆرۈمⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېلىنى، تالاسىنى ياكى بىرنەچچە تۇتامىنى بىرگە قوشۇپ ئۆرۈلگەن ھەربىر بۆلىكى؛ ئۆرۈپ تەييارلانغان نەرسە ۋە شۇ نەرسىنىڭ ئۆرۈلگەن ھالىتى:[مىسال:] قىزنىڭ چاچلىرى ئۇزۇن، ئۆرۈمىلىرى يوغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئۆرۈلگەن، ئۆرۈپ توقۇلغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ئۆرۈم سامساق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە، توي-تۆكۈن مەشرەپلەردە ئۇسسۇل ئوينىغان كىشىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ سازەندىلەرگە ياكى چۈشى بۇزۇلۇپ قالغان، كۆڭلىگە بىرەر ۋەھىمە كەلگەندە ئۆزىنىڭ، بالا-چاقىلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ كەمبەغەل، ئاجىز-ئورۇقلارغا بېرىدىغان نەرسە:[مىسال:] − قىزنىڭ بېشىدىن ئوبدانراق بىرنېمىنى ئۆرۈم قىلىپ سەدىقە قىلىۋېتەيلى، − دېدى ئۇ ئايال.

ئۆرۈمە

  • ئۆرۈمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەشرەپ، توي-تۆكۈنلەردە ئۇسسۇل ئوينىغانلارنىڭ بېشىدىن ئۆرۈلگەن پۇل ياكى ماددى نەرسىلەر.

ئۆرۈمەكⅠ

  • ئۆرۈمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆرە، تىك ھالەتتىكى نەرسىنى يىقىتماق، غۇلاتماق:[مىسال:] تامنى ئۆرۈمەك. ئۆينى ئۆرۈمەك. دەرەخنى ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر گۇرۇھ ياكى ھاكىمىيەتنى ھالاك قىلماق، تەختىدىن چۈشۈرمەك، ئاغدۇرماق:[مىسال:] كونا ھاكىمىيەتنى ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنىڭ ئاستى تەرىپىنى ئۈستىگە، ئۈستى تەرىپىنى ئاستىغا توغرىلاپ قويماق:[مىسال:] يەرنى ئۆرۈمەك. * ئالدىرىما، ماينىڭ تەڭدىن تولىسى مانا بۇ ياقتا، دەپ چىنىنى ئۆرۈپتىكەن، چىنىنىڭ كەەەرسىنىڭ ئىچىنى تېشىغا، ئوڭىنى تەتۈرىگە ياكى تەتۈرنى ئوڭغا، ئارقىسىنى ئالدىغا، ئالدىنى كەينىگە قىلماق:[مىسال:] خالتىنى ئۆرۈمەك. يوتقاننىڭ كىرلىكىنى ئۆرۈمەك. چاپاننىڭ ئىچىنى ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەرجىمە قىلماق، ئاغدۇرماق:[مىسال:] خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەبىر بەرمەك، بايان قىلماق، چۈشەندۈرمەك:[مىسال:] رابى ۋىت-ۋىت كېچە كۆرگەن چۈشىنى ئۇنىڭغا ئۆرۈپ بەردى.[يەشمىسى:] ⑦ بۇرىماق، ئۆزگەرتمەك:[مىسال:] ئىشىنى يامىنىغا ئۆرۈمەك.

ئۆرۈمەكⅡ

  • ئۆرۈمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تال-تال نەرسىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن بىر قىلىپ توقۇماق:[مىسال:] قامچا ئۆرۈمەك. * چاچ ئۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ② پۇل ياكى باشقا بىرنەرسىنى بىرەر مەقسەتتە كىشى بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ نىشان قىلغان ئادەمگە بەرمەك:[مىسال:] ئۇ داستىخاندىن بىرناننى ئېلىپ بالىلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ ماڭا بەردى.

ئۆرۈملۈك

  • ئۆرۈملۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆرۈم قىلىش ئۈچۈن ئاتالغان نەرسە:[مىسال:] ئۆرۈملۈككە بىرنەرسەڭ بارمۇ دەپ ئاستا سورىدى ئۇ ئايالىدىن.

ئۆرىتۆپە

  • ئۆرىتۆپە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆرە+تۆپە[[يەشمىسى:] بەزىلەر ئۆرە تۇرۇپ كەتكەن ۋە بەزىلەر ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرگەن؛ رەتسىز، قالايمىقان (بىرەر جىددىيچىلىك تۈپەيلى):[مىسال:] ئۇ گەپ قىلماستىن ئۆرىتۆپە ئادەملەر ئارىسىدا بىر دەم قاراپ تۇردى.

ئۆرىتۆپە بولماق

  • ئۆرىتۆپە بولماق[يەشمىسى:] بەزىلىرى ئولتۇرسا، بەزىلىرى ئۆرە تۇرغان ۋە بەزىلىرى مېڭىپ يۈرگەن ھالەت شەكىللەنمەك؛ قالايمىقانلاشماق (بىرەر جىددىيچىلىك تۈپەيلى):[مىسال:] تاشۋاي، بارات، مىرئەلىلەرنىڭ ئۆيگە كىرىشى بىلەن يىگىتلەر ئۆرىتۆپە بولۇشتى.

ئۆرىتۆپىلىك

  • ئۆرىتۆپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆرىتۆپە ھالەت، قالايمىقانچىلىق.

ئۆرىدەشمەك

  • ئۆرىدەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆرىدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىتنىڭ ئىككى ئالدى پۇتى ھەيدەرنىڭ مۈرىسىدە، ھەيدەرنىڭ ئىككى قولى ئىتنىڭ ئىككى قۇلىقىدا، ئىت بىلەن ھەيدەر ئۆرىدەشكەن پېتى تۇراتتى.

ئۆرىدەلمەك

  • ئۆرىدەلمەك[يەشمىسى:] «ئۆرىدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۆرىدىمەك

  • ئۆرىدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر يۇقىرى تەرەپكە ياكى جايغا، تۆپىلىككە قاراپ يول ئالماق، يۈرمەك، بىرەر يۇقىرى تەرەپكە يۆنەلمەك:[مىسال:] ئات ئۆرىدەپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىنى ئۆرە قىلماق؛ ئۆرە، تىك ياكى دۆۋىلەنگەن ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] تاغارنى ئۆرىدىمەك. چەشنى ئۆرىدىمەك. قۇمنى ئۆرىدىمەك.[يەشمىسى:] ③ ئىككى ئالدى قولىنى ئېگىز كۆتۈرمەك، ئۆرە قىلماق:[مىسال:] كۈن نۇرىدا ئىشىتىكلەر پارقىرايتتى، ئاتلار چاپچىپ ئۆرىدەيتتى.

ئۆرىلەشمەك

  • ئۆرىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەپىلەشمەك، شۇغۇللانماق.

ئۆز

  • ئۆز[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، ئىش-ھەرىكەت شۇ قوشۇمچە بىلدۈرگەن شەخس تەرىپىدىن باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى بولمىغان ئەھۋالدا بېجىرىلگەنلىكىنى ياكى بېجىرىلىشىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئەرنىڭ سۆزى ئۆلگۈچە، ئۆزى ئۆلسۇن (ماقال). * بۇ ماقالىنى ئۆزۈم يازدىم.[يەشمىسى:] ② تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىلغان شەيئى ياكى نەرسىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىمنىڭ ئالدىدا كېلىپ، بىركىم ياكى نەرسىنىڭ تۈرلەنگەن تەۋەلىك قوشۇمچە ئاڭلاتقان شەخسكە قاراشلىق، ئۇنىڭغا خاس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئۆز ئۆيۈم. ئۆز ئانىسى. ئۆز ۋەتىنى. ئۆز دوستۇم.[يەشمىسى:] ④ ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىختىيارسىز سادىر بولغانلىقىنى، ئۇنى قىلىشتا، بېجىرىشتە، ئورۇنداشتا باشقىلار قاتناشمىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] سادىق ئۆزى يىقىلىپ چۈشتى. * تراكتور ئۆزى مېڭىپ كەتتى. * تېلېۋىزور ئۆزى ئۆچۈپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑤ يېقىن، بىلىدىغان، تونۇشلۇق:[مىسال:] بۇ يەردە يات ئادەم يوق، ھەممىمىز ئۆز.

ئۆز ئالدىغا

  • ئۆز ئالدىغا[يەشمىسى:] ① ئۆزىگە خاس؛ مۇستەقىل، مۇستەقىل ھالدا:[مىسال:] بۇلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم قورۇ سېتىۋاپتۇ. تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئۆزىچىلا، ھېچكىمنىڭ سورىقىنى ئالماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن:[مىسال:] ھەرقانداق ئادەمنىڭ بىزنى ئۆز ئالدىغا ئىشتىن توختىتىشقا ھەققى يوق، دېدى ھېلىقى ئىشچى.

ئۆز ئايىغىدىن ئۈركۈمەك

  • ئۆز ئايىغىدىن ئۈركۈمەك[يەشمىسى:] ئۆز-ئۆزىدىن خۇدۈكسىنىپ قورقۇپ يۈرمەك:[مىسال:] ئۆز ئايىغىدىن ئۈركۈيدىغان قورقۇنچاق ئادەم ئۇ.

ئۆز بېشىدىن قورقماق

  • ئۆز بېشىدىن قورقماق[يەشمىسى:] ئۆزىگە بىرەر جاۋابكارلىق كېلىپ جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەك:[مىسال:] ئۆز بېشىمىزدىن قورقتۇق، تەقسىر، تۇتۇپ كېلىپ، ئاندىن خەۋەر قىلايلى، دېدۇق بىز ئۇنىڭغا.

ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماق

  • ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماق[يەشمىسى:] ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە تۇتۇپ بەرمەك، ئۆزى ئۆزىگە زەرەر يەتكۈزمەك:[مىسال:] سەن مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولساڭ، بىر كۈنى ئۆز پۇتۇڭغا ئۆزۈڭ پالتا چاپىسەن.

ئۆز تۈگمىنىگە سۇ قويماق

  • ئۆز تۈگمىنىگە سۇ قويماق[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىش قىلماق، ئۆز پايدىسىغا ئىش قىلماق، ئۆزىنىڭ ئىشىنى راۋاج تاپقۇزۇش يولىدا كۈرەشمەك.

ئۆز سەنىمىگە دەسسىمەك

  • ئۆز سەنىمىگە دەسسىمەك[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ خاھىشى، مەيلى، ئىختىيارى بويىچە ئىش قىلماق، ئۆزى بىلگەن يولغا ماڭماق:[مىسال:] ھەركىم ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋەرسە ئىشلار نېمە بولۇپ كېتىدۇ

ئۆز سەنىمىگە ئۇسسۇل ئوينىماق

  • ئۆز سەنىمىگە ئۇسسۇل ئوينىماق[يەشمىسى:] «ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىمەك»كە قاراڭ.

ئۆز سۆزلۈك

  • ئۆز سۆزلۈك[يەشمىسى:] كىشىنىڭ پىكرىنى ئالماي، شەخسىي پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان:[مىسال:] شۇڭا كېلىنلىرىدە بۇ مېھرىبان، ئەمما ئۆز سۆزلۈك مومايغا ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش تۇيغۇسى مەھكەم تىكلەندى.

ئۆز قازىنىنى ئۆزى قايناتماق

  • ئۆز قازىنىنى ئۆزى قايناتماق[يەشمىسى:] ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىماق؛ ئۆزىنىڭ كۈنىنى كۈن ئەتمەك.

ئۆز قوينىغا ئالماق

  • ئۆز قوينىغا ئالماق[يەشمىسى:] يات كۆرمەي ئۆز كىشىلىرى قاتارىدا كۆرمەك، مېھرىبانلىق قىلماق:[مىسال:] ئىشىك تەرەپتىرەك ئولتۇرغان بىرنەچچە ئايال خەلىچە ئانىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشتى ۋە ئۇنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ ئورۇن كۆرسەتتى.

ئۆز قۇلىقى بىلەن

  • ئۆز قۇلىقى بىلەن[يەشمىسى:] بىۋاسىتە، بىۋاسىتە ھالدا:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم.

ئۆز قولىقىغا ئىشەنمەسلىك

  • ئۆز قولىقىغا ئىشەنمەسلىك[يەشمىسى:] راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىگە دەرھال جەزىم قىلالماسلىق، دەرھال ئاڭقىرالماي ئارىسالدى بولماق:[مىسال:] يېزا باشلىقى رەپىق ئاكا ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمەي، كۆزىنى يوغان ئېچىپ سورىدى.

ئۆز كۆزىگە ئۆزى ئىشەنمەسلىك

  • ئۆز كۆزىگە ئۆزى ئىشەنمەسلىك[يەشمىسى:] قاتتىق ھەيران قالماق:[مىسال:] پادىشاھ گۈلنى كۆرۈپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قېلىپتۇ.

ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماق

  • ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماق[يەشمىسى:] شەخسەن ئۆز مەنپەئىتىنىلا كۆزلىمەك، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىمەك:[مىسال:] ئۆز كۆمىچىگىلا چوغ تارتىش — بىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىسلىتى ئەمەس.

ئۆز گۇناھى ئۆزىگە

  • ئۆز گۇناھى ئۆزىگە[يەشمىسى:] گۇناھ، سەۋەنلىك ئۆزىدىن ئۆتتى، شۇڭا دەردىنى ئۆزى تارتسۇن:[مىسال:] بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلىپسەن، ئەمدى ئۆز گۇناھىڭ ئۆزۈڭگە.

ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولماق

  • ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولماق[يەشمىسى:] دەرد-ئەلىمىنى كىشىگە ئېيتالماي، قاتتىق ئازابلانماق:[مىسال:] شامەخسۇت قالغان ساننى توشقۇزالماي، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ، كېچىلىرىمۇ ئۇخلىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى.

ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇماق

  • ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇماق[يەشمىسى:] «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇماق»قا قاراڭ.

ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېمەك

  • ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېمەك[يەشمىسى:] دەردىنى، ئەلىمىنى كىشىگە ئېيتالماي ئىچ-ئىچىدىن قاتتىق ئازاپلانماق، دەردىنى ئىچىدە بىلمەك:[مىسال:] مۇشۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن، بىرنەچچە كۈندىن بۇيان قازىنىڭ بېشى قېتىپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەپ يۈرەتتى.

ئۆز نۆۋىتىدە

  • ئۆز نۆۋىتىدە[يەشمىسى:] ۋاقتى كەلگەندە، پەيتى كەلگەندە:[مىسال:] شۇنى ئۆز نۆۋىتىدە ئېيتىپ قويۇشقا بولىدۇكى، كەنجى سەنئەت نەزەرىيىلىرىنىمۇ خېلى ئۆگەنگەن.

ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىمەك

  • ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسىمەك[يەشمىسى:] خالىغىنىنى قىلماق، نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلماق، كۆڭلىدىن كەچكىنىنى قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئېرىدىن خەت-خەۋەر ئالالمىغاندىن كېيىن ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈردى.

ئۆزى بىلگەنچە

  • ئۆزى بىلگەنچە[يەشمىسى:] خالىغانچە، ئۆز ئالدىغا، ئۆز مەيلىچە:[مىسال:] بىر كىشىلا سۆزلەيدىغان ياكى ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدىغان ئەھۋاللارغا ئەمدى يول قويۇلمايدىغان بولدى.

ئۆزى تاغدا، كۆڭلى باغدا

  • ئۆزى تاغدا، كۆڭلى باغدا[يەشمىسى:] پىكىر-خىيالى بىر يەردە ئەمەس، خىيالى بىر مەسىلىگە، ئىشقا مەركەزلەشمىگەن؛ ئۆزى بۇ يەردە بولغىنى بىلەن خىيالى پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىشتا.

ئۆزىدىن كەتمەك

  • ئۆزىدىن كەتمەك[يەشمىسى:] ① ھوشىدىن كەتمەك، ھوشىنى يوقاتماق:[مىسال:] قورقۇنچتا ئۆزۈمدىن كېتىپ قاپتىمەن، بىرھازادىن كېيىن ھوشۇمغا كەلدىم.[يەشمىسى:] ② ئۆزىدىن ئۆتۈلمەك، ئۆزى سەۋەبچى بولماق:[مىسال:] بۇ ئىش ئۇنىڭ ئۆزىدىن كەتتى.

ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشمەك

  • ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشمەك[يەشمىسى:] بىراۋغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئويلاپ، ئاخىرى ئۆزى زىيان تارتماق:[مىسال:] ئۇلار ئۆمەر ئۇستازغا قەست قىلىمەن دەپ، ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشتى. * لېكىن ئەھۋال ئۆزگىرىپ، تاپتى بۈگۈن ھالاكەت، ئەلگە ئورا كولىغان، ئۆزى چۈشتى ئاقىۋەت.

ئۆزىگە ئالماق

  • ئۆزىگە ئالماق[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ياكى ئۆزى قىلمىغان بىرەر ئىشنى باشقىلار مېنى قىلدى دەپ چۈشىنىۋاتىدۇ دەپ قارىماق:[مىسال:] سەن بۇنى ئۆزۈڭگە ئالما، بۇنىڭ سەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، دېدىم مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ.

ئۆزىگە توپا قوندۇرماسلىق

  • ئۆزىگە توپا قوندۇرماسلىق[يەشمىسى:] كەمچىلىك، خاتالىق قاتارلىقلارنى بىرئازمۇ ئۆز بوينىغا ئالماسلىق:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى سۆزمەن، زاكۇنچى ئادەم، قاراپ تۇرۇڭ، بۇ سوتتا ئۇ ئۆزىگە توپا قوندۇرماي چىقىپ كېتىدۇ.

ئۆزىگە سۇ يۇقتۇرماسلىق

  • ئۆزىگە سۇ يۇقتۇرماسلىق[يەشمىسى:] ئۆزىدە بىرەر ئىللەت، نۇقسان قاتارلىقلار بار بولسىمۇ ئۇنى قىلچىمۇ ئېتىراپ قىلمىغاننىىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرماق، ئۆزىدە بولغانلىقىغا قىلچىمۇ تەن ئالماسلىق، ئۆزىنى يېقىنمۇ كەلتەرمەسلىك:[مىسال:] ئۆزۈڭگە سۇ يۇقتۇرمايۋاتىسەن-ھە، دەپ ۋارقىرىدى سوراقچى ھېلىقى ۋېلىسىپىت ئوغرىسىغا قاراپ.

ئۆزىگە قىلماق

  • ئۆزىگە قىلماق[يەشمىسى:] «كىشىگە يامانلىق قىلسا ئاخىرى ئۆزىگە يانىدۇ، كىشىگە يامانلىق سانىسا جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ» دېگەن مەنىلەردىكى بىرىكمە:[مىسال:] ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ (ماقال).

ئۆزىگە يارىشا

  • ئۆزىگە يارىشا[يەشمىسى:] ھەركىمنىڭ ھال-ئەھۋالى، كۈچ-قۇۋۋىتىگە مۇۋاپىق:[مىسال:] ئۇنىڭغا ئۆزىگە يارىشا خىزمەت بېرىش كېرەك.

ئۆزىنى بازارغا سالماق

  • ئۆزىنى بازارغا سالماق[يەشمىسى:] ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلماق:[مىسال:] مەھەللىدىكى ئىمام-مەزىنلەرمۇ ئەسكى بولۇپ كەتتى. ۋاي نامەھرەم بولدى، كوچىدا ئۆزىنى بازارغا سالدى دەپلا تۇتۇۋېلىپ قازىخانىغا ھەيدەيدۇ.

ئۆزىنى تاشلىۋەتمەك

  • ئۆزىنى تاشلىۋەتمەك[يەشمىسى:] مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى روھىي چۈشكۈنلۈككە ئۇچراپ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى بولۇشىغا قويۇۋەتمەك:[مىسال:] سىزنىڭ روھىڭىز چۈشكۈن كۆرۈنىدۇ، نېمىشقا ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىسىز

ئۆزىنى توختاتقان

  • ئۆزىنى توختاتقان[يەشمىسى:] ئېغىر-بېسىق؛ ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق يول تاللىۋالغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان:[مىسال:] ئۆزىنى توختاتقان ئادەم. ئۆزىنى توختاتقان ئايال.

ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماسلىق

  • ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماسلىق[يەشمىسى:] خۇشاللىقتىن ياكى خاپىلىقتىن، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ ياكى قايغۇرۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالماق:[مىسال:] ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆزىنى پىدائىيلىققا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ.

ئۆزىنى كۆرسەتمەك

  • ئۆزىنى كۆرسەتمەك[يەشمىسى:] ① ئۆزىنى بىلدۈرمەك، نامايان قىلماق:[مىسال:] مەنمۇ بىلىمەن دېدى يەنە بىرسىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپ، يەر شارىدىكى بەش ئىقلىم بەلۋېغىنى ساناپ بېرەيمۇ[يەشمىسى:] ② قەدرى ئۆتۈلمەك: پۇل دېگەن مانا مۇشۇنداق يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ-دە.

ئۆزىنىڭ ئاغزى

  • ئۆزىنىڭ ئاغزى[يەشمىسى:] «ھەركىم ئۆز خالىغىنىنى دەيدۇ، ھەركىم ئۆز گېپىنى قىلىدۇ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنداق دېگەن بولسا، ئۆزىنىڭ ئاغزى، سەن نېمانچە قىلىسەن.

ئۆزىنىڭ بىلگىنى بىلگەن

  • ئۆزىنىڭ بىلگىنى بىلگەن[يەشمىسى:] بىشەم، تەرسا، جاھىل:[مىسال:] ئۆزىنىڭ بىلگىنى بىلگەن، ئۇنىڭغا گەپ ئۆتمەيدۇ.

ئۆزىنىڭ پاشىسىنى قورۇماق

  • ئۆزىنىڭ پاشىسىنى قورۇماق[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېمەك، ئۆزىنىڭلا كويىدا بولماق.

ئۆزىنىڭ سايىسىغا مۇشت ئاتماق

  • ئۆزىنىڭ سايىسىغا مۇشت ئاتماق[يەشمىسى:] ئۆزىدىن ئۆزى ئۈركۈمەك، ئۆزىدىن ئۆزى قورقماق.

ئۆزىنى ئۇ دۇنيادا كۆرمەك

  • ئۆزىنى ئۇ دۇنيادا كۆرمەك[يەشمىسى:] ئۆلمەك:[مىسال:] ئەگەر بۇنىڭ چاققان-چەبدەسلىكى، جەسۇرلۇقى بولمىسا، پېقىر ئۆزىنى ئۇ دۇنيادا كۆرەتتى.

ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال

  • ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال[يەشمىسى:] كۈچى زۆرۈر، ئۆزى كېرەكسىز، كۈچى مۇھىم، ئۆزى ئېتىبارسىز:[مىسال:] مېنى ئىشلىتىشنىلا بىلىسىلەر، ئۆزۈمگە قاراپمۇ قويمايسىلەر، ئۆزۈم ھارام، كۈچۈم ھالالمىكەن

ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇماق

  • ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇماق[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ قولى بىلەن ئۆزىنى جايلىماق، ئۆزىنى ئۆزىگە سالماق، ئۆزىنىڭ يولى بىلەن ئۆزىنى جايلىماق:[مىسال:] سەن ھودۇقما، ئۇلارنىڭ ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش كېرەك، دېدىم مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ.

ئۆزئارا

  • ئۆزئارا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆز+ئارا[[يەشمىسى:] ئىككى ياكى بىرنەچچە شەخس ئوتتۇرىسىدا ياكى بىر گۇرۇھ بىلەن ئىككىنچى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان؛ بىرى يەنە بىرى بىلەن بولىدىغان:[مىسال:] ئۆزئارا مۇناسىۋەت. ئۆزئارا سۆھبەت. ئۆزئارا كېلىشىم. ئۆزئارا ياردەم.

ئۆزەكⅠ

  • ئۆزەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك غولىنىڭ مەركىزىدىكى قىسمى. نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەردىن تەركىب تاپىدۇ:[مىسال:] ئۆزەكتىن چىققان ئوت يامان، ئۆزدىن چىققان يات يامان (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشن<[يەشمىسى:] بەزى ئۈسكۈنىلەرنىڭ مەركىزىي قىسمىغا ئورنىتىلىدىغان نېپىز دېتال:[مىسال:] دەزمال ئۆزىكى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزلەرنىڭ قوشۇمچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى[يەشمىسى:] قوشۇمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان قىسمى.

ئۆزەكⅡ

  • ئۆزەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۈرەك؛ يادرو، مېغىر.

ئۆزەن

  • ئۆزەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن جىلغا؛ سۇ يولى:[مىسال:] مۇشۇ ئۆزەننى بويلاپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ بىر يەرگە بارغاندا تۆت تاغنىڭ تۈگۈنىدە كەڭ بىر تۈزلەڭلىك بار، دەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ بوۋاي.

ئۆزبەگ-ئۆزخان

  • ئۆزبەگ-ئۆزخان[يەشمىسى:] نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان، ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان؛ ھېچقانداق تەسىرگە، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان؛ بەك ئەركىن:[مىسال:] ئۆزبەگ-ئۆزخان بولۇۋالماق. * سىلەر ئۆزبەگ-ئۆزخان ئىشلەۋېرىسىلەر.

ئۆزبېشىمچى

  • ئۆزبېشىمچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆز+باش+ىم+چى[[يەشمىسى:] باشباشتاق، ئۆزى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان، كىشىنىڭ گېپىگە، مەسلىھەتىگە كۆنمەيدىغان:[مىسال:] ئۇ كىچىكىدىنلا ئۆز بېشىمچى ئىدى.

ئۆزبېشىمچىلىق

  • ئۆزبېشىمچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشباشتاقلىق؛ نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ گېپىگە، نەسىھىتىگە كىرمەيدىغان خاھىش، ئۆزىنىڭ خىيالىغا كەلگەنچە ئىش قىلىش ئادىتى:[مىسال:] ئۆزبېشىمچىلىق قىلماق. ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلماق.

ئۆزبېك

  • ئۆزبېك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلق بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە، ئافغانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشايدۇ. ئاندىن قالسا دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ بار.

ئۆبېكچە

  • ئۆبېكچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزبېكلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] ئۆزبېكچە ئۇسسۇل. ئۆزبېكچە كىيىم. ئۆزبېكچە ناخشا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزبېك تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] ئۆزبېكچىنى بىلمەك.

ئۆزرە

  • ئۆزرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەچۈرۈم، ئەپۇ، ئۆزرىخاھلىق:[مىسال:] ئۆزرە ئېيتماق. * مەن ئۇنى ئاۋارە قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆزرە سوراپ خوشلىشىپ قايتتىم.

ئۆزرىخاھلىق

  • ئۆزرىخاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارشى تەرەپنىڭ چۈشىنىشىنى، ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سوراش؛ ئەپۇ، كەچۈرۈم؛ ئۆتۈنچ:[مىسال:] كەچۈرۈڭ، مەن تاماكا چەكمەيمەن، دەپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتتىم.

ئۆزرىلىك

  • ئۆزرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەچۈرۈشكە تېگىشلىك، مۇھىم سەۋەبى بار، سەۋەبلىك:[مىسال:] خەلىپە ھارۇن رەشىد:[مىسال:] ئۇ ئەلۋەتتە بىرەر ئۆزرىلىك ئىش بىلەن كېلەلمەي قالغان بولسا كېرەك. يۈر بىز بېرىپ ئۇنى زىيارەت قىلايلى دەپتۇ.

ئۆزسىنىشماق

  • ئۆزسىنىشماق[يەشمىسى:] «ئۆزسىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆزسىنماق

  • ئۆزسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆز كۆرمەك، ئۆز ئادەم دەپ بىلمەك، ئۆز ئادىمى ھېسابلىماق:[مىسال:] مەن بۇ سۆزلەرنى ساڭا ئۆزسىنىپ ئېيتىۋاتىمەن.

ئۆزگە

  • ئۆزگە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىدىن باشقا كىشى؛ ناتونۇش ئادەم:[مىسال:] ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي (ماقال). * پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلمەيدىغان، تونۇمايدىغان؛ ئۆزى بىلەن تونۇشلۇقى يوق، يات، باشقا؛ تىلغا ئېلىنغان، كۆزدە تۇتۇلغان ئادەم ياكى نەرسىدىن تاشقىرى:[مىسال:] ۋەتەندىن ئۆزگە يارىم يوق، ۋەتەننى سۆيگىنىم بەختىم، ۋەتەن ئىشقىدا مەجنۇندەك ئۆمۈرلۈك كۆيگىنىم بەختىم.

ئۆزگەرتمەك

  • ئۆزگەرتمەك[يەشمىسى:] «ئۆزگەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پىلاننى ئۆزگەرتمەك. * سادىر تەمكىنلىكىنى قىلچە ئۆزگەرتمىدى.

ئۆزگەرتىلمەك

  • ئۆزگەرتىلمەك[يەشمىسى:] «ئۆزگەرتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] رايونلۇق پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ نامى رايونلۇق كىچىك ئەترەتكە ئۆزگەرتىلدى.

ئۆزگەرمەك

  • ئۆزگەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر ھالەتتىن باشقا بىر ھالەتكە ئۆتمەك، باشقىچە تۈس ئالماق، باشقىچە تۈسكە كىرمەك:[مىسال:] ھاۋا ئۆزگەردى. چىرايى ئۆزگەردى.[يەشمىسى:] ② ماھىيەت جەھەتتىن ئاۋۋالقىسىغا ئوخشىمايدىغان ھالەتكە ئۆتمەك، مەزمۇنەن باشقىچە بولماق:[مىسال:] ۋەزىيەت ئۆزگەردى. * ئون يىلدىن بۇيان جەمئىيەت خېلىلا ئۆزگەردى.[يەشمىسى:] ③ بىرىنىڭ ئورنىغا باشقا خىلى جارى قىلىنماق، باشقا بىر خىلى بىلەن ئالمىشىلماق؛ يەڭگۈشلەنمەك:[مىسال:] ئۇيغۇر يېزىقى تارىختىن بۇيان بەش قېتىم ئۆزگەردى.

ئۆزگەن

  • ئۆزگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاق ئۇۋاق كۆتىكى؛ ئۆزەك، تومۇر.

ئۆزگىچە

  • ئۆزگىچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان، ئادەتتىكىدىن باشقىچە:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدا مەتقۇربان يەتكۈزگەن ئەھۋالدىن ئۆزگىچە بىرنېمە يوق.

ئۆزگىچىلىك

  • ئۆزگىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزگە ھالەت، ئۆزگىچە ئەھۋال، ئوخشىماسلىق؛ ئالاھىدىلىك:[مىسال:] سېلىم باقاشتىكى ئۆزگىچىلىك زىلەينى ئويلاندۇرۇپ قويدى.

ئۆزگىرىش

  • ئۆزگىرىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەرەققىيات تارىخىدا يۈز بېرىدىغان كەسكىن بۇرۇلۇش، بىر ھالەتتىن باشقا بىر ھالەتكە ئۆتۈش؛ ئۆزگىچە، باشقىچە بولۇش:[مىسال:] ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوخشاش تۈردىكى جانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ياكى ئوخشاش ئەۋلادلىق جانلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان يەككە تەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مورفولوگىيىلىك، فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدىغان پەرق.

ئۆزگىرىشمەك

  • ئۆزگىرىشمەك[يەشمىسى:] «ئۆزگەرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆزگىرىشچان

  • ئۆزگىرىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر ھالەتتىن باشقا بىر ھالەتكە، بىر تۈستىن باشقا بىر تۈسكە ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، پات-پات ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ئۆزگىرىشچان ھاۋا. * ئەتىيازدا كىلىمات ئۆزگىرىشچان بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئېل<[يەشمىسى:] يۆنىلىشى ۋە قۇۋۋىتى دەۋر قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ئۆزگىرىشچانتوك. ئۆزگىرىشچان توك يولى.

ئۆزگىرىشچان توك

  • ئۆزگىرىشچان توك[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] يۆنىلىشى ۋە كۈچىنىشى دەۋرلىك ئۆزگىرىدىغان توك. بۇ خىل توكنىڭ ئالاھىدىلىكى ترانسفورماتور ئارقىلىق ئېلېكتر بېسىمىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىدا. ھازىر سانائەتتە ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆزگىرىشچان توكنىڭ يۆنىلىشى ھەم كۈچىنىشى ئادەتتە ھەر سېكۇنتتا 50 قېتىم ئۆزگىرىدۇ.

ئۆزگىرىشچانلىق

  • ئۆزگىرىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسان ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك، ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] داپ نوتىلىرىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق مۇشۇ رىتىم ۋە ئۇدار مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۆزگىرىشسىز

  • ئۆزگىرىشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمايدىغان، ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغان، ئۆزگىرىش ياسىمايدىغان؛ ئۆز پېتى، ئۆز ھالىتى بويىچە:[مىسال:] تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتىدە بولسۇن ياكى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئەمەلىيىتىدە بولسۇن، كىشىلەر ئالدىن بەلگىلىگەن ئىدىيە، نەزەرىيە، پىلان، لايىھىلەر ھېچبىر ئۆزگىرىشسىز ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ناھايىتى ئاز بولىدۇ.

ئۆزگىرىشلىك

  • ئۆزگىرىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئۆزگىرىشچان:[مىسال:] ئۇ يازغان «مۇزىكا مۇئەسسەسىسىنىڭ نەزمىلەر توپلىمى»دا ئەينى زاماندىكى ئۇزۇن نەغمىلىك، كۆپ ئۆزگىرىشلىك چەش ئۇسسۇللىرى تېكىستلىرىدىن پەقەت تۆت مىسراسىلا ساقلىنىپ قالغان.

ئۆزلە

  • ئۆزلە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سىلى، ئۆزلىرى.

ئۆزلەشتۈرمە

  • ئۆزلەشتۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزلەشتۈرۈلگەن ياكى ئۆزلەشتۈرۈلىدىغان:[مىسال:] ئۆزلەشتۈرمە جۈملە.

ئۆزلەشتۈرمەك

  • ئۆزلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] ① «ئۆزلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دەرسنى ئۆزلەشتۈرمەك. بىلىمنى ئۆزلەشتۈرمەك. بوز يەر ئۆزلەشتۈرمەك.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭكىدىن پايدىلىنىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ چىقماق، باشقىلارنىڭكىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ قىلماق:[مىسال:] ئۇلار يەنە چوڭ-كىچىك ئوپېرا-درامىلاردىن «گۈلنىسا»، «غۇنچەم»، «ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىقمۇ»، «مەسلىھەت چېيى» قاتارلىقلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئوينىدى.

ئۆزلەشتۈرۈشمەك

  • ئۆزلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆزلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۆزلەشتۈرۈلمەك

  • ئۆزلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆزلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دەرس ئۆزلەشتۈرۈلمەك.

ئۆزلەش

  • ئۆزلەش[يەشمىسى:]

  • قالماق، ناھايىتى ئىناق، يېقىن بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] شائىر دۇكاندارنىڭ سەمىمىي پۇزىتسىيىسىگە قاراپ ئوڭايلا ئۆزلىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② يەرلىشىپ قالماق، سىڭىشمەك:[مىسال:] ئۇ ھاردۇقى چىقىپ ئۆزلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.[يەشمىسى:] ③ ئېڭىغا كىرمەك، مېڭىسىگە ئورناشماق، چۈشىنەرلىك بولماق؛ سىڭمەك، سىڭىپ كىرمەك:[مىسال:] دەرس ئۆزلەشمەك. * ئىسلام ۋاسىتىسى بىلەن تىلىمىزغا نۇرغۇنلىغان ئۆۆزىنىڭكىدەك بولۇپ كەتمەك، كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشماق، سىڭىشمەك:[مىسال:] گۈلقىزنىڭ ئەسلىي ئېتى گۈلسۈمئاي ئىدى. ئۇ تولىمۇ چىرايلىق بىر بالا بولغىنى ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۇنى «گۈلقىز» دەپ ئەركىلىتىپ، بۇ ئىسىم ئۆزلىشىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ⑤ كۈچ قىلماق، قۇۋۋەت بولماق، سىڭمەك:[مىسال:] بەزى تائاملار كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسىمۇ، لېكىن بەدەنگە ئۆزلىشىدىغان قىسمى ئاز، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ ئۈنۈمدارلىقى ئېشىپ مۇنبەتلەشمەك. دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىقلاشماق (بوز يەر ھەققىدە):[مىسال:] يەر ئۆزلىشىپ قاپتۇ. * ئۈچ يىلدىن بېرى يېزىمىزدا 100 مو بوز يەر ئۆزلەشتى.[يەشمىسى:] ⑦ تاۋلانماق (يەر ھەققىدە):[مىسال:] باھار ئەتىگىنى. ئوسىسى تازا ئۆزلىشىپ قالغان چوڭ بىرپارچە سالا ئېتىزدا يەنە بىر كۈنلۈك جۇشقۇن ھايات باشلاندى.

ئۆزلۈك

  • ئۆزلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيىتى، تەبىئىي ھالىتى، ۋۇجۇدى ۋە بارلىقىغا ئائىت؛ ئۆزىگە خاس.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىش ھەرىكەت باشقا بىرىگە ئۆتمەي، بەلكى سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە چۈشىدىغان، تەۋە بولىدىغان:[مىسال:] ئۆزلۈك ئالماش. ئۆزلۈك دەرىجە.[يەشمىسى:] ③ بىر-بىرىگە يېپىشىپ، بىر-بىرىنى ياخشى تۇتۇپ تۇرىدىغان، بولۇشى بار (خېمىر، لاي ۋە ئۇن قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۆزلۈك ئۇن.

ئۆزلۈك ئالماش

  • ئۆزلۈك ئالماش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئالماشلارنىڭ بىر تۈرى. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزلۈك ئالماش «ئۆز» ئىسمىنىڭ تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى بىلەن بىرىككەن ھالدا «ئۆزۈم، ئۆزىمىز، ئۆزۈڭ، ئۆزىڭىز، ئۆزلىرى، ئۆزۈڭلار، ئۆزى» قاتارلىق شەكىللەردە قوللىنىلىدۇ.

ئۆزلۈك دەرىجە

  • ئۆزلۈك دەرىجە[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ھەرىكەتنىڭ گرامماتىك ئىگىسىنىڭ ھەم لوگىك ئىگە، ھەم لوگىك ئوبيېكت ئىكەنلىكىنى ياكى لوگىك ئوبيېكت ھەم شۇ ھەرىكەتكە تۈرتكە بولغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان پېئىل دەرىجىسى.

ئۆزلىرى

  • ئۆزلىرى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.Ⅱ[يەشمىسى:] شەخس (بىرلىك) ئالمىشىنىڭ ھۆرمەت تۈرى بولۇپ، ئاڭلىغۇچىنى ھۆرمەت بىلەن ئاتاشتا قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئۆزلىرى كىم بولىدىلا، دېدى ئۇ مەندىن گەپ سوراپ.

ئۆزلىشىملىك

  • ئۆزلىشىملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوڭاي ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان، ئاسان ئۆزلىشىدىغان، ناھايىتى چۈشىنىشلىك:[مىسال:] ئۇ دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىشىملىك قىلىپ ئۆتۈپ بېرىدۇ.

ئۆز-ئۆزى

  • ئۆز-ئۆزى[يەشمىسى:] ① چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، ھەرىكەتنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن باشلىنىپ، يەنە ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد. ئۆز-ئۆزىنى كۆزىتىش.[يەشمىسى:] ② يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، «ئۆزى بىلەن ئۆزى، ئۆزى ئۆزىگە» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆز-ئۆزىگە زىت. ئۆز-ئۆزىگە قارشى.[يەشمىسى:] ③ چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ «تاشقى كۈچتىن خالىي، ئۆزىچىلا» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆز-ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرماق. ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولماق. ئۆز-ئۆزىدىن يوقالماق.

ئۆزۈمچى

  • ئۆزۈمچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭكىنىلا راست، توغرا دەيدىغان، ئۆزۈمچىل:[مىسال:] ئۇ تولىمۇ ئۆزۈمچى ئادەم ئىكەن.

ئۆزۈمچىل

  • ئۆزۈمچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان، ئۆزۈمچى:[مىسال:] ئۆزۈمچىل ئادەم. * ئۇ ھەسەننىڭ ئۆزۈمچىل، گەدەنكەشرەك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئۆزۈمچىللىك

  • ئۆزۈمچىللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېنىڭلا راست دەيدىغان ئادەت، قىلىق:[مىسال:] ئۆزۈمچىللىك قىلماق.

ئۆزىچە

  • ئۆزىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئۆز خاھىشىچە، ئۆز خىيالىچە:[مىسال:] لېكىن بۇنىڭ مەنىسىنى كىچىك ئاخۇن ئۆزىچە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② ئىختىيارسىز:[مىسال:] قېرى ئۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتكەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ كېتىپ، ئۆزىچە كۈلۈپ قويدى.

ئۆسەك

  • ئۆسەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، يالغان ياكى قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلىنىپ ئاۋۇپ كەتكەن، بۇرمىلانغان؛ ئەپقاچتى، ئاساسى يوق:[مىسال:] ئۆسەك گەپ. ئۆسەك سۆز. سۆز ئاڭلىماق. ئۆسەك سۆز تارقالماق.

ئۆسەكچى

  • ئۆسەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆسەك، يالغان-ياۋداق گەپ-سۆزلەرنى پەيدا قىلىدىغان ۋە تارقىتىپ يۈرىدىغان ئادەم؛ يالغان-ياۋداق، بولمىغۇر گەپ-سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ تارقىتىشقا ئامراق كىشى؛ سۆز-چۆچەك تارقاتقۇچى:[مىسال:] كىم بىلمەيدۇ، ئۇ دېگەن بىر ئۆسەكچىغۇ، دېدى ئايخان قاينىغان ھالدا.

ئۆستەڭ

  • ئۆستەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەر تەرىپىدىن چېپىلغان، دەريادىن كىچىك، ئېرىقتىن چوڭ بولغان سۇ ئېقىمى، چوڭ ئېرىق:[مىسال:] غول ئۆستەڭ. تارماق ئۆستەڭ. ئۆستەڭ چاپماق.

ئۆستەڭچى

  • ئۆستەڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆستەڭ چاپىدىغان كىشى:[مىسال:] ئۆستەڭچىلەر ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن ئەقىل-ئىدرىكى، كۈچ-قۇدرىتى بىلەن مەشرىقتىن مەغرىبكە سوزۇلغان چەكسىز يەر باغرىنى تىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قان-تەرى بىلەن ئىلى ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆستەڭنى پۈتتۈردى.

ئۆستەڭلىك

  • ئۆستەڭلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆستەڭگە سىغىدىغان:[مىسال:] بىر ئۆستەڭلىك سۇ.

ئۆستۈرگۈچ

  • ئۆستۈرگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىكرو ئورگانىزملارنى، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ توقۇلمىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوزۇقلۇق تەركىبى، باشقا ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك ماددىلار.

ئۆستۈرمەك

  • ئۆستۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆسمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆچەت ئۆستۈرمەك. دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەك. مائاشىنى ئۆستۈرمەك. كادىرلىققا ئۆستۈرمەك. مال باھاسىنى ئۆستۈرمەك. سەۋىيىسىنى ئۆستۈرمەك.

ئۆستۈرۈش

  • ئۆستۈرۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تىرىك ھۈجەيرە ياكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ سۈمئىي ئۇسۇلدا كونترول قىلىنغان مۇھىتلاردا ئۆسۈش جەريانى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئالدىنقىسىدا ئېيتىلغان ئوي-پىكىرنىڭ كېيىنكى مىسرالاردا كۈچەيتىلىپ بېرىلىشى.

ئۆستۈرۈشمەك

  • ئۆستۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆستۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆستۈرۈلمەك

  • ئۆستۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆستۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نىزام ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىر ئورگىنىغا مەسئۇل كادىر قىلىپ ئۆستۈرۈلدى.

ئۆسكىلەڭ

  • ئۆسكىلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بويى ئېگىز ئۆسكەن، بوي تارتقان، ئېگىز بويلۇق (ئادەملەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۆسكىلەڭ ئادەم. ئۆسكىلەڭ بالا.[يەشمىسى:] ② ئېگىز ئۆسكەن؛ ئۇزۇن (نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۇلار دەرەخلىق ئارىسىدىكى چىغىر يوللاردا ئۇزاق ماڭدى. ئۆسكىلەڭ ئوتلار گويا ئۇلارغا سالام بېرىشەتتى.

ئۆسمە

  • ئۆسمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆسكەن ياكى ئۆسۈپ تۇرىدىغان، ئۆسىدىغان:[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت غەيرىي نورمال ئۆسۈشىدىن ھاسىل بولغان يېڭى ماددا. ئادەتتە ياخشى سۈپەتلىك ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.

ئۆسمىشۇناس

  • ئۆسمىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆسمىشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى، ئالىمى.

ئۆسمىشۇناسلىق

  • ئۆسمىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆسمىنىڭ ھاسىل بولۇشى سەۋەبلىرى، ئۆسۈشى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئۆسمەك

  • ئۆسمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇرۇق، يىلتىز، قەلەمچە ۋە شۇنىڭدەكلەردىن ئۈنۈپ چىقماق، ئۈنۈپ راۋاجلانماق ياكى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئېگىزلىمەك؛ ئاينىماق:[مىسال:] بىر ئوبدان ئۆسكەن زىرائەتنى بىردەمنىڭ ئىچىدە سۇ بېسىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ھايات داۋامىدا چوڭ بولماق:[مىسال:] ئۇ ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىدە ئۆسكەن ھەمراھ دېگەن نامرات يىگىتنى ياخشى كۆرىدىكەن.[يەشمىسى:] ③ ئۇزۇن، ئېگىز بولماق؛ ئۇزۇنلىماق، ئېگىزلىمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ بويى خېلىلا ئۆسۈپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ④ يوغانلىماق، تەرەققىي قىلماق، چوڭايماق:[مىسال:] بالىلار ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىگە يەتكەندە ئۇلارنىڭ بەدىنى تېز ئۆسۈپ، كۈچ-قۇۋۋىتى ئارتىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ يېتىلمەك، يېتىشمەك، پەيدا بولماق:[مىسال:] مۇشۇ ئون يىل ئىچىدە ئابدۇكېرىم ھاجى، تۇرسۇن توختى ھاجى، ئابدۇۋايىت ھاجى قاتارلىق دورىگەرلەر ئۆسۈپ چىقتى.[يەشمىسى:] ⑥ ئاشماق، كۆپەيمەك، يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] جىرىملارنىڭ تۇتۇش نىسبىتى 95 پىرسەنتكە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 12 پىرسەنت ئۆستى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] روھلانماق، شادلانماق؛ ئۆرلىمەك:[مىسال:] كۆڭلى ئۆسمەك.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسلىدىكىسىدىن ئاشماق، يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك، ئۆرلىمەك:[مىسال:] ئورنى ئۆسمەك. ئىناۋىتى ئۆسمەك. مائاشى ئۆسمەك.

ئۆسمۈر

  • ئۆسمۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆسۈۋاتقان يەنى ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بالا:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا مەن تېخى ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۆسمۈر ئىدىم.

ئۆسمۈرلۈك

  • ئۆسمۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆسمۈر يېشىدىكى، ئۆسمۈر باسقۇچىدىكى:[مىسال:] ئۆسمۈرلۈك مەزگىل. ئۆسمۈرلۈك دەۋر.

ئۆسۈش

  • ئۆسۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ مۇئەييەن تۇرمۇش شارائىتىدا ھەجمى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ تەدرىجىي ئارتىشى. ئادەتتە ئۇ ئۆسۈش ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ سانىنى ئارتتۇرۇشى ۋە چوڭىيىپ ھەجمىنى كېڭەيتىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئۆسۈشمەك

  • ئۆسۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆسمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆسۈك

  • ئۆسۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆسۈپ كەتكەن، ئۇزۇن ئۆسكەن، ئۆسۈكلۈك:[مىسال:] ئۆسۈك ساقال. ئۆسۈك چاچ.

ئۆسۈم

  • ئۆسۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ئۆتنە-يېرىم پائالىيىتىدە قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىگە تۆلەيدىغان ھەق. دىرنىڭ بەلگىلىك نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

ئۆسۈمتە

  • ئۆسۈمتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەرەخلەردە پۇقاقتەك چىقىپ قالىدىغان مۈدۈرچەك (كېسەللىك).

ئۆسۈمسىز

  • ئۆسۈمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆسۈمى يوق، ئۆسۈم بېرىلمەيدىغان ياكى ئېلىنمايدىغان:[مىسال:] ئۆسۈمسىز پۇل. ئۆسۈمسىز قەرز.

ئۆسۈملۈكⅠ

  • ئۆسۈملۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆسۈمى بار، مەلۇم مۇددەت بويىچە ئۆسىدىغان:[مىسال:] ئۆسۈملۈك قەرز.

ئۆسۈملۈكⅡ

  • ئۆسۈملۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ چوڭ بىر تۈركۈمى. بۇ خىل جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ھۈجەيرە پوستى بولىدۇ. ئادەتتە خلوروفىلى بولىدۇ. كۆپچىلىكى نېئورگانىك ماددىلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، نېرۋىسى بولمايدۇ.

ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى

  • ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم رايوننىڭ يەر يۈزىنى قاپلاپ تۇرغان، مەلۇم زىچلىققا ئىگە بولغان نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىغىندىسى.

ئۆسۈملۈكشۇناسلىق

  • ئۆسۈملۈكشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «بوتانىكا»غا قاراڭ.

ئۆشە

  • ئۆشە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توشقان تۇتىدىغان تور:[مىسال:] ئۆشە قويماق.

ئۆشرە

  • ئۆشرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدا ھەربىر ئائىلە ئۆز ئاشلىقىنىڭ ئوندىن بىرىنى دىنىي مۇئەسسەسەلەرگە ياكى كەمبەغەللەرگە بېرىش بەلگىلەنگەن، بېرىلىدىغان مۇشۇ قىسىم ئۆشرە دېيىلىدۇ:[مىسال:] ئۆشرىسىنى ئايرىماق. ئۆشرە بەرمەك. ئۆشرە ئالماق.

ئۆشرە-زاكات

  • ئۆشرە-زاكات[يەشمىسى:] ئۆشرە ۋە زاكات:[مىسال:] سايىم چوڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقان چاغدا، باشقا بىر سوئالنى سوراپ قالدى:[مىسال:] قارىم، ئۆشرە-زاكاتنىڭ قانداق ساۋابى بار

ئۆشرىچى

  • ئۆشرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆشرە يىغقۇچى.

ئۆشنەⅠ

  • ئۆشنەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۈرە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى:[مىسال:] ئىسمائىل سوپۇم ئېغىر خالتىسىنى ئۆشنىسىدىن ئېلىپ، ئىشىكنىڭ يېنىدىلا قويدى.

ئۆشنەⅡ

  • ئۆشنەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لىشاينىكلارنىڭ بىر تۈرى. ئۆسۈملۈك تېنى يىپسىمان، دەرىخىنىڭ شاخ، غوللىرىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ. رەڭگى كۈل رەڭ. نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ھەم قىسقا يان شاخلىرى بولىدۇ. تۈۋى قىسمى بىلەن قارىغاي ياكى باشقا دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىغا يېپىشىۋالىدۇ. دورا قىلىنىدۇ. ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش روللىرى بار.

ئۆكتە

  • ئۆكتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارشى تەرەپنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قارشى چىقىش مەقسىتىدە قىلىنغان نارازىلىق، قارشىلىشىش پائالىيىتى:[مىسال:] ئۆكتە قويماق. ئۆكتە قىلماق.

ئۆكتەبىر

  • ئۆكتەبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ① قەدىمكى رىم خرىستىئانچىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاينى شۇنىڭ نامىدا ئاتىغان.[يەشمىسى:] ② مىلادىيە كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ نامى، ئونىنچى ئاي.

ئۆكتەم

  • ئۆكتەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇششۇقلۇق قىلىپ يۈرۈپ، باشقىلارغا ئۆز تەسىرىنى، سۆزىنى ئۆتكۈزىدىغان؛ بىشەم، ئۇششۇق:[مىسال:] ئۆكتەم ئادەم. ∥ بىز ئۇنداق ئۆكتەملەرگە قانۇننىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويىمىز.

ئۆكتەملىك

  • ئۆكتەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىشەملىك، ئۇششۇقلۇق، ئۆكتەملەرگە خاس قىلىق-ھەرىكەت:[مىسال:] ئۆكتەملىك قىلماق.

ئۆكتىچى

  • ئۆكتىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارشى تەرەپنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قارشى چىققۇچى، ئۇلار بىلەن قارشىلاشقۇچى:[مىسال:] ئۆكتىچىلەر مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى تىرپولىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاپ قېلىشى مۇمكىن. ∥ ئۆكتىچى پارتىيە.

ئۆكتىچىلىك

  • ئۆكتىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارشى چىقىش، زوراۋانلىق قىلىش، قارشى تۇرۇش پائالىيىتى، زورلۇق:[مىسال:] ئۆكتىچىلىك ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ تۈپ خاراكتېرى.

ئۆكچە

  • ئۆكچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] پۇتنىڭ تاپان قىسمى. [يەشمىسى:] ② ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنىسى.

ئۆكچىلىك

  • ئۆكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆكچىسى بار، ئۆكچە چىقىرىپ تىكىلگەن؛ پاشنىلىق:[مىسال:] لۈكچەكلەر ئۇنى قاتتىق ئۆكچىلىك ئاياغلىرى بىلەن بىرھازا تېپىپ-دەسسىگەندىن كېيىن، ياقىسىنى يىرتىپ، يۈرىكىنى تۇتۇپ كۆردى.

ئۆكسۈتمەك

  • ئۆكسۈتمەك[يەشمىسى:] «ئۆكسۈمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياغنى ئۆكسۈتمەك. گۆشنى ئۆكسۈتمەك.

ئۆكسۈز

  • ئۆكسۈز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يېتىم، تەمتىرەپ قالغان ئادەم.

ئۆكسۈشمەك

  • ئۆكسۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆكسۈمەكⅡ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆكسۈمەكⅠ

  • ئۆكسۈمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۆلچەرلەنگەن سانغا يەتمەي قالماق، كېمىپ قالماق:[مىسال:] ساپا ئېلىشقا پۇلۇم ئۆكسۈدى.[يەشمىسى:] ② تۈگىمەك، ئۈزۈلمەك، كەم بولماق:[مىسال:] بۇ كۈنلەردە قىزنىڭ كۆزىدىن ياش ئۆكسۈمەيتتى.

ئۆكسۈمەكⅡ

  • ئۆكسۈمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆپكىدىمەك:[مىسال:] ئۆكسۈپ يىغلىماق.* سىڭلىم كۆز يېشىنى ئېرتىپ، ئۆكسۈگەن پېتى سۆزدىن توختاپ قالدى.

ئۆكۈز

  • ئۆكۈز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پىچىۋېتىلگەن بۇقا.

ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا تەمبۇر چالماق

  • ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا تەمبۇر چالماق[يەشمىسى:] «ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب چالماق»قا قاراڭ:[مىسال:] نادانغا بۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزى ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا تەمبۇر چالغاندەكلا بىر ئىش، دېدى ئۇ زىيالىي، ئەخمەتنىڭ گېپىگە گەپ قىستۇرۇپ.

ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالماق

  • ئۆكۈزنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالماق[يەشمىسى:] «ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا راۋاب چالماق»قا قاراڭ.

ئۆكۈزلۈك

  • ئۆكۈزلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆكۈزى بار، ئۆكۈزگە ئىگە:[مىسال:] توپاق چاغلىق بىرەر ئەركەك مال بېقىپ قويساق، ئۇزۇنغا قالماي، بىر ئۆكۈزلۈك بولۇپ قالارمىز دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭمۇ جايىنى قىلىپ قويدۇق.

ئۆكۈنچ

  • ئۆكۈنچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇشايمان قىلىش تۇيغۇسى تۈپەيلى مەيدانغا كېلىدىغان ئەپسۇسلىنىش، ئېچىنىش، خاپىلىق، غەمكىنلىك:[مىسال:] ئۆكۈنچ ئىچىدە قالماق. * ئۇنىڭ قەلبىنى قانداقتۇر بىر ئۆكۈنچ چىرمىۋالغانىدى.

ئۆكۈنچلۈك

  • ئۆكۈنچلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كىشىنى ئۆكۈندۈرىدىغان:[مىسال:] ئۆكۈنچلۈك مەسىلە. ئۆكۈنچلۈك ئىش. ئۆكۈنچلۈك ۋەقە.[يەشمىسى:] ② ئۆكۈنچ تۇيغۇسى سېزىلىپ، چىقىپ تۇرىدىغان؛ ئۆكۈنچ ئىپادىلىنىدىغان، ئۆكۈنگەنلىكى ئۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ئۆكۈنچلۈك ئاۋاز. ئۆكۈنچلۈك گەپ. * ئۇ قىز بۇ گەپنى ئۆكۈنچلۈك ئاھاڭدا قىلدى.

ئۆكۈندۈرمەك

  • ئۆكۈندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆكۈنمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىز ئاشۇ تىلسىملارنىڭ سىرىنى ئاچا-ئاچمايلا قېرىپ كەتتۇق. مانا بۇ، بىزنى ئۆكۈندۈرىدۇ.

ئۆكۈنمەك

  • ئۆكۈنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن ياكى ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان يېمەك، پۇشايمان قىلماق، ئەپسۇسلانماق؛ ئېچىنماق، نادامەت چەكمەك:[مىسال:] ئۇ ئېمتىھانغا كېچىكىپ قالغىنىغا بەكمۇ ئۆكۈندى.

ئۆكۈنۈشمەك

  • ئۆكۈنۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆكۈنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز بۇ ئىشتىن قاتتىق ئۆكۈنۈشتۇق.

ئۆگە

  • ئۆگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] دانىشمەن، ئاقىل:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوردا ئۆگىلىرى ئوردىدىن ھەيدىلىشكە، ئىشتىن چەتلىتىلىشكە ئۇچرىدى.

ئۆگەتكۈچى

  • ئۆگەتكۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەربىيە بەرگۈچى، تەلىم بەرگۈچى، ئۇستاز.

ئۆگەتمەك

  • ئۆگەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىركىمگە بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىش ئۇسۇلىنى، يولىنى، بىرنەرسىنىڭ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ قائىدە-قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرمەك، بىلدۈرمەك:[مىسال:] ھۈنەر ئۆگەتمەك. ناخشا ئۆگەتمەك. ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەتمەك.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى چۈشەندۈرمەك، سىڭدۈرمەك ۋە شۇ ھەقتە تەلىم بەرمەك، ئادەتلەندۈرمەك:[مىسال:] ئەدەپ ئۆگەتمەك. قائىدە ئۆگەتمەك. سالامغا ئۆگەتمەك.[يەشمىسى:] ③ يول كۆرسەتمەك، ئېيتماق:[مىسال:] مەن نېمە، مەن نېمە قىلىپتىمەن دېدى يۈسۈپ چوڭ بوغۇلۇپ، مەن ئۇنىڭغا ئېشىكىڭنى سات دەپ ئۆگەتتىممۇ

ئۆگەنچى

  • ئۆگەنچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان، تېخى خام:[مىسال:] بولۇپمۇ ئۆگەنچى چالغۇچىلار ئۇ خىل ئۆلچەمسىز ياسالغان چالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىكى لازىم.

ئۆگەنمەك

  • ئۆگەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەت قىلىش يولى، ئۇسۇلى ۋە بىلىم، تەجرىبە، ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆزلەشتۈرمەك، ئىگىلىمەك:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنمەك. تېخنىكا ئۆگەنمەك. ئىلىم ئۆگەنمەك.[يەشمىسى:] ② دىققەت ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ ياخشى بىلمەك، چۈشىنىپ يەتمەك، چۈشىنىۋالماق:[مىسال:] جەمئىيەتنى ئۆگەنمەك. تۇرمۇش ئۆگەنمەك.[يەشمىسى:] ③ ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ نېمىلىكىنى، خاراكتېرىنى، تەبىئىيىتىنى بىلمەك، تەتقىق قىلماق:[مىسال:] ئۇيغۇر شېۋىلىرىنى ئۆگەنمەك. * ئۇ شىنجاڭغا چىقىپ ئىشلىگەن تۆت يىلنىڭ مابەينىدە تىلنىلا ئەمەس، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادىتىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەنىكەن.[يەشمىسى:] ④ ئۆرنەك قىلماق، ياخشى دەپ قارالغان تەرەپلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلماق، ئۈلگە ئالماق:[مىسال:] بىز ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىمىز.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر نەرسە ياكى ئىش-ھەرىكەت بىلەن دائىم شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ قالماق، ئۇنىڭغا ئادەتلەنمەك، كۆنمەك:[مىسال:] يالغۇزلۇققا ئۆگەنمەك. * ئۇ ھەر قايسى بالىنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەزىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەندى.

ئۆگەي

  • ئۆگەي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئالدىدىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا ياكى ئاپىسى ئەمەس (بالىلارغا نىسبەتەن):[مىسال:] ئۆگەي ئاتا. ئۆگەي ئانا.[يەشمىسى:] ② ھازىرقى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنى ئۆزى تۇغمىغان (ئاتا ياكى ئاپىغا نىسبەتەن):[مىسال:] ئۆگەي ئوغۇل. ئۆگەي قىز.[يەشمىسى:] ③ بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان ياكى بىر ئاتىدىن بولمىغان، ئانىسى ياكى ئاتىسى باشقا (پەرزەنتلەر بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] نەچچە قېتىم ئۆلۈپلا تۈگىشەي دەپ ئويلىدىم. ئۆگەي بولسىمۇ يەنە شۇ ئىنىمغا تارتىشىپ، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يات:[مىسال:] باشقا يۇرتتىن كەلدى دەپ ئۆگەي كۆرۈپ قالارمۇ.

ئۆگەيسىنمەك

  • ئۆگەيسىنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆگەيلىك ھېس قىلماق، ئۆگەي كۆرمەك، ئۆگەي ھېسابلىماق:[مىسال:] بالا ئۆگەيسىنىپ قالدى.

ئۆگەيسىنىشمەك

  • ئۆگەيسىنىشمەك[يەشمىسى:] «ئۆگەيسىنمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆگەيلەشمەك

  • ئۆگەيلەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆگەيلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆگەيلەنمەك

  • ئۆگەيلەنمەك[يەشمىسى:] «ئۆگەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۆگەيلىك

  • ئۆگەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز پۇشتى، ئۆز قارنىدىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن غەيرىي كۆرۈپ سوغۇق مۇئامىلە قىلىش، ئىللىق مۇئامىلە قىلماسلىق قىلمىشى:[مىسال:] ئۆگەيلىك قىلماق.[يەشمىسى:] ② ياتلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ يىغىسى بۇ گۇناھكار دۇنيانىڭ رەھىمسىز ئۆگەيلىكى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتى، كۆتۈرگەن نالە-پەريادى ئىدى.

ئۆگەيلىمەك

  • ئۆگەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆگەي كۆرمەك، ئۆگەي ھېسابلىماق:[مىسال:] بالىنى ئۆگەيلىمەك.[يەشمىسى:] ② يەكلىمەك، يات قاتارىدا ھېسابلىماق:[مىسال:] بۇ بۆلۈمدىكىلەرنىڭ مېنى ئۆگەيلەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئەمما كېرەك يوق، ھازىر بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدىم.

ئۆگزە

  • ئۆگزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەت تورۇسىنىڭ ئۈستى يۈزى، ئىمارەتنىڭ تۆپىسى:[مىسال:] ئۆينىڭ ئۆگزىسى.

ئۆگزىسىمان گۈل رېتى

  • ئۆگزىسىمان گۈل رېتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈل رېتىنىڭ بىر تۈرى. تۆۋەن تەرەپتىكى گۈللىرىنىڭ سېپى بىرقەدەر ئۇزۇن، ئۈستى تەرەپتىكى گۈللىرىنىڭ سېپى قىسقا بولۇپ، بارلىق گۈللەر بىر تەكشىلىكتە تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئالما، نەشپۈت، دولانانىڭ گۈل رېتى.

ئۆگزىلىك

  • ئۆگزىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆگزىسى بار، ئۆگزىسى بولغان:[مىسال:] ئۇلار كىچىك سېپىلگە ئوخشاپ كېتىدىغان دۈگىلەك تامنىڭ ئىچىدە تىزىلىپ قىزىل ئۆگزىلىك ئىمارەتلەرنى كۆردى.

ئۆگسۈز

  • ئۆگسۈز [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىتىم، ئاتا-ئانىسى يوق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەمتىرەپ قالغان ئادەم، تەمتىرەپ يۈرگەن كىشى.

ئۆگۈن

  • ئۆگۈن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان پەيتتە ئۆتۈۋاتقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن كېيىنكى كۈن يەنى ئەتىدىن كېيىنكى بىر كۈن:[مىسال:] بۈگۈن ئۇنىمىسا ئەتە ئۇنا، ئەتە ئۇنىمىسا ئۆگۈنغۇ ئۇنا.

ئۆگۈنكى

  • ئۆگۈنكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆگۈن بولىدىغان، ئۆگۈن يۈز بېرىدىغان، ئۆگۈنلۈك:[مىسال:] ئۆگۈنكى ئىش. ئۆگۈنكى ئەمگەك.

ئۆگۈنلۈك

  • ئۆگۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆگۈن بولىدىغان، ئۆگۈن قىلىنىدىغان، ئۆگۈن يۈز بېرىدىغان، ئۆگۈنىگە ئاتاپ قويۇلغان:[مىسال:] ئۆگۈنلۈك ئىش. ئۆگۈنلۈك تاماق.

ئۆگۈنلۈككە

  • ئۆگۈنلۈككە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆگۈنكى كۈندە، يەنى ئەتىدىن كېيىنكى كۈندە، ئۆگۈن:[مىسال:] * شۇنداق قىلىپ ئۆگۈنلۈككە مەئىشەتكە ئۆتىمەن دەملا دەپ سورىدى ئۇ.

ئۆگىتىشمەك

  • ئۆگىتىشمەك[يەشمىسى:] «ئۆگەتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆگىتىلمەك

  • ئۆگىتىلمەك[يەشمىسى:] «ئۆگەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھە، ئۇنىڭ كالىلىرى شۇنداق ئۆگىتىلگەن، دېدى پادىچى خاتىرجەم ھالدا.

ئۆگىنىش

  • ئۆگىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ ئىلىم-پەن، ھۈنەر كەسىپ قاتارلىقلارنى ئىگىلەش پائالىيىتى:[مىسال:] ئۆگىنىش قىلماق.

ئۆگىنىشمەك

  • ئۆگىنىشمەك[يەشمىسى:] «ئۆگەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىدارىدىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن بەس-بەس بىلەن رۇس تىلى ئۆگىنىشتى.

ئۆگىنىلمەك

  • ئۆگىنىلمەك[يەشمىسى:] «ئۆگەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۇرستا بوغالتىرلىق تۈزۈمى بىلەن مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە دائىر بىلىملەر ئۆگىنىلدى.

ئۆڭⅠ

  • ئۆڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەمنىڭ يۈز، چىراي، رەڭگى:[مىسال:] ئۇلارنى ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، قارا چاچ، 40 ياشلاردىكى خۇشخۇي بىر خانىم كۈتۈۋالدى.[يەشمىسى:] ② تېرىنىڭ تۈكسىز تەرىپى:[مىسال:] ئۆڭ جۇۋا. ئۆڭ تۇماق.

ئۆڭ تۇماق

  • ئۆڭ تۇماق[يەشمىسى:] تېرىنىڭ تۈكسىز تەرىپىنى سىرتىغا كەلتۈرۈپ تىكىلگەن، تېشى رەخت بىلەن تاشلانمىغان تۇماق.

ئۆڭ جۇۋا

  • ئۆڭ جۇۋا[يەشمىسى:] سىرتقى يۈزى رەخت بىلەن تاشلانمىغان جۇۋا:[مىسال:] ئۇ كىرىپلا ئۇچىسىدىكى ئۆڭ جۇۋىنى سېلىۋېتىپ ئاندىن ئوتقا يېقىنلاشتى.

ئۆڭى ئۆچمەك

  • ئۆڭى ئۆچمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى قورقۇنچ تۈپەيلىدىن چىرايى، رەڭگى بىردىنلا بۇزۇلماق، ئۆزگەرمەك؛ تاتارماق:[مىسال:] ئۇ ئۆڭى ئۆچكەن ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

ئۆڭى يامان

  • ئۆڭى يامان[يەشمىسى:] بەدىنىگە جاراھەت چىقسا ياكى بىرنەرسە كېسىۋەتسە ئاسان ساقايمايدىغان؛ ئۆڭى ناچار:[مىسال:] ئۆڭى يامان ئادەم.

ئۆڭⅡ

  • ئۆڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدى تەرەپ:[مىسال:] ئۇ ئىش ھازىرغىچە كۆز ئۆڭۈمدىن كەتمەيدۇ.

ئۆڭەر

  • ئۆڭەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چاپاننىڭ ئىچ-تاش پەشلىرى.

ئۆڭتۈرتمەك

  • ئۆڭتۈرتمەك[يەشمىسى:] «ئۆڭتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۆڭتۈرمەك

  • ئۆڭتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىچىگە بىرەر نېمە قاچىلانغان نەرسىنىڭ ئاغزىنى پەسكە قاراتماق ياكى ئاغزىنى پەسكە، كۆتىنى ئۈستىگە قىلماق؛ دۈم قىلماق:[مىسال:] چىنىنى جوزىغا ئۆڭتۈرۈپ قويماق.

ئۆڭتۈرۈشمەك

  • ئۆڭتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆڭتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆڭتۈرۈلمەك

  • ئۆڭتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆڭتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ناسىرەم ئارقىغا ئۆڭتۈرۈلۈپ، بېشىنى دېزىل ماتورغا ئۇرۇۋالدى.

ئۆڭدۈرمەك

  • ئۆڭدۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆڭمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەھىرىمىزدە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، سىرلارنى يۇيۇپ كەتمىسىمۇ، ئۆڭدۈرۈۋېتىدۇ.

ئۆڭسۈرۈن

  • ئۆڭسۈرۈن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆڭ+سۆرۈن[[يەشمىسى:] سۆرۈن، سەت، يېقىمسىز:[مىسال:] روزىمەتنىڭمۇ چىرايى ئۆڭسۆرۈن ئىدى.

ئۆڭسۈل

  • ئۆڭسۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەڭگىروي، چىراي:[مىسال:] ئۆڭسۈلى ئۆچمەك.

ئۆڭسۈلى ئۆچمەك

  • ئۆڭسۈلى ئۆچمەك[يەشمىسى:] رەڭگىرويى تاتارماق، چىرايى بىردىنلا بۇزۇلماق:[مىسال:] سىياسىي كومىسار رادېئوگراممىنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتى-دە، ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا ئېغىر سۈكۈنات ئىچىدە ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى.

ئۆڭسۈلى يوق

  • ئۆڭسۈلى يوق[يەشمىسى:] ئۆڭى ئۆچكەن، قورققان، ھولۇققان، تەشۋىشكە چۈشكەن:[مىسال:] ئۇ قارا تەرگە چۆمۈلگەن بولۇپ، ئۆڭسۈلى يوق ئىدى.

ئۆڭكەر

  • ئۆڭكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆكرەكنىڭ ئىچكى قىسمى.

ئۆڭكۈر

  • ئۆڭكۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] تاغ، تۆپىلىك قاتارلىقلاردىكى تەبىئىي ياكى سۇنئىي يوسۇندا چوڭقۇر ئويۇلغان جاي؛ غار.

ئۆڭكۈرلۈك

  • ئۆڭكۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆڭكۈرى بار، ئۆڭكۈر شەكلىدە ياسالغان.

ئۆڭكۈرمەك

  • ئۆڭكۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۈم قىلىپ ئارتماق.

ئۆڭگە

  • ئۆڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئاغىنە، دوست:[مىسال:] مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، ئۆڭگەڭ مىڭغا يەتسۇن (ماقال).

ئۆڭگەك

  • ئۆڭگەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ناھايىتى ئاسان ئۆڭۈپ كېتىدىغان، رەڭگى پات ئۆڭىدىغان:[مىسال:] ئۆڭگەك رەخت.[يەشمىسى:] ② كىشىگە ئۆڭگىلى ئارانلا تۇرىدىغان:[مىسال:] ئۆڭگەك ئادەم.

ئۆڭگۈل

  • ئۆڭگۈل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غەلىتە، بىرقىسما، بىرقانداق.

ئۆڭلۈك

  • ئۆڭلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆڭى بار، ئۆڭى بولغان:[مىسال:] بۇغداي ئۆڭلۈك يىگىت.

ئۆڭمەك

  • ئۆڭمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسلىدىكى رەڭگىنى يوقاتماق، ئۆزگەرمەك؛ ئۆچمەك:[مىسال:] بۇ رەخت ئاسان ئۆڭىدۇ.[يەشمىسى:] ② تاتارماق، ئۆزگەرمەك، بۇزۇلماق، ئاقارماق (چىراي ھەققىدە):[مىسال:] شەھەر باشلىقىنىڭ كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان قۇددۇسنىڭ چىرايى ئۆڭدى.

ئۆڭۈپ-تاتىرىپ

  • ئۆڭۈپ-تاتىرىپ[يەشمىسى:] «ئۆڭۈپ-ئۆچۈپ»كە قاراڭ:[مىسال:] بۇنداق گەپلەر چىققاندا، ساۋۇتجان ئۆڭۈپ-تاتىرىپ كىتاب ئوقۇغان بولۇپ ئولتۇرۇۋالاتتى.

ئۆڭۈپ-ئۆچۈپ

  • ئۆڭۈپ-ئۆچۈپ[يەشمىسى:] چىرايى ئۆڭۈپ ھەم تاتىرىپ:[مىسال:] ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىردىنلا ئۆڭۈپ-ئۆچۈپ ھېچ ئولتۇرالماي قالدى.

ئۆڭۈشمەك

  • ئۆڭۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆڭمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي

  • ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي[يەشمىسى:] قاتتىق ھېرىپ-چارچىشىغا، ئېغىر جەبىر-جاپا، ئېغىر ئاقىۋەتكە قېلىشىغا پەرۋا قىلماي:[مىسال:] جېنى ئاز قالغان ئىت ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي بەدەر قېچىپتۇ.

ئۆلەرمەن

  • ئۆلەرمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلەي دەپ قالغان، كۈچ-مادارىدىن كەتكەن، ئىنتايىن ئاجىز، جانسىز:[مىسال:] ئۆلەرمەن ئادەم. ئۆلەرمەن ئات. * ئۆلەرمەن ئېشەك ئولتۇرۇپ تېپەر (ماقال). * ئۆلۈشتىن قورقما، ئۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورق (ماقال).

ئۆلەرمەنلىك

  • ئۆلەرمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشقا يارىماسلىق، جانسىزلىق، ئاجىزلىق.

ئۆلەڭ

  • ئۆلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناخشا؛ توي-تۆكۈندە ئېيتىلىدىغان بىر خىل خەلق ناخشىسى:[مىسال:] يىراقتىن ئۆلەڭ ئاھاڭى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. * ھاي-ھاي ئۆلەڭ، ھاي ئۆلەڭ، قىز كېلىدۇ يار سانەم. * ھاي-ھاي ئۆلەڭ، ھاي ئۆلەڭ، تويلىشىڭدۇر، ئالتۇن بويلۇق گۈل يىگىت سىردىشىڭدۇر.

ئۆلەڭچى

  • ئۆلەڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆلەڭ ئېيتقۇچى كىشى.

ئۆلەي

  • ئۆلەي[يەشمىسى:] «ئۆلمەك» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىدىكىⅠشەخسنىڭ بىرلىكى.

ئۆلەي-ئۆچەي دېگەندە

  • ئۆلەي-ئۆچەي دېگەندە[يەشمىسى:] ھېرىپ جېنى ئاز قالغاندا، مادارىدىن كەتكەندە:[مىسال:] ئۆلەي-ئۆچەي دېگەندە، بىر-بىرىمىزنى يۆلەپ يۈرۈپ، خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ سارىيىغا كەلدۇق.

ئۆلەن

  • ئۆلەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خۇش پۇراق بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئۇنى يېگىلى بولىدۇ.

ئۆلتۈرمەك

  • ئۆلتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تورپاقنى چىمدىپ ئۆلتۈرۈپتۇ(ماقال).

ئۆلتۈرۈشمەك

  • ئۆلتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆلتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئادەملەر ھامان بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشەتتى.

ئۆلتۈرۈلمەك

  • ئۆلتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆلتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ بىر سوتكىلىق جەڭدە دۈشمەننىڭ 150 تىن كۆپرەك ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى.

ئۆلچەتمەك

  • ئۆلچەتمەك[يەشمىسى:] «ئۆلچىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياغاچنى ئۆلچەتمەك. يەرنى ئۆلچەتمەك.

ئۆلچەش

  • ئۆلچەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەسۋابلار ئارقىلىق بوشلۇق، ۋاقىت، تېمپېراتۇرا، تېزلىك قاتارلىقلارغا ئائىت سانلىق قىممەتلەرنى بېكىتىش. [يەشمىسى:] ② يەر شەكلى ۋە شەھەرلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشكىمۇ قارىتىلىدۇ.

ئۆلچەش ئىلمى

  • ئۆلچەش ئىلمى[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] يەر يۈزىنىڭ ھەربىر قىسمىنىڭ ئورنى، شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆلچەشنى ۋە ئۇنى قەغەزگە خەرىتە قىلىپ سىزىپ چىقىشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئۆلچەش-سىزىش

  • ئۆلچەش-سىزىش[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆلچەش ئېلىپ بېرىش ۋە خەرىتە سىزىش ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.

ئۆلچەشمەك

  • ئۆلچەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆلچىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار يەر ئۆلچەشمەكتە ئىدى.

ئۆلچەك

  • ئۆلچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆلچەم:[مىسال:] ئۆينىڭ ئۆلچىكى بار، ئوتتۇرىسىدا كۆلچىكى بار (ماقال).

ئۆلچەم

  • ئۆلچەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ھەجمى ياكى چوڭ-كىچىكلىكىنى بەلگىلىگۈچى نومۇر؛ رازمېر:[مىسال:] كىيىم ئۆلچىمى. ئۆلچەمگە توشماق. ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەك.[يەشمىسى:] ② شەيئىلەرنى ئۆلچەش ياكى ئۇنىڭغا باھا بېرىشتە تايىنىدىغان قانۇن-قائىدە، مىزان.[يەشمىسى:] ③ ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىلىپ، باشقا شەيئىلەرنى سېلىشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە ياكى شەيئى:[مىسال:] ئۆلچەم تېشى.

ئۆلچەم بىرلىكلىرى

  • ئۆلچەم بىرلىكلىرى[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ھەجمى، چوڭ-كىچىكلىكى، ھەرىكەت ھالىتى، ئېغىرلىق ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئومۇم تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بىرلىكلەر. مەسىلەن، كىلوگرام، سەر، مېتىر، سائەت، ئوم ۋە باشقىلار.

ئۆلچەمسىز

  • ئۆلچەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلچەمگە توشمىغان ياكى توشمايدىغان، ئۆلچەم ئاساس قىلىنمىغان؛ لاياقەتسىز:[مىسال:] ئۆلچەمسىز ئاياغ. ئۆلچەمسىز ئوق.

ئۆلچەمشۇناس

  • ئۆلچەمشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆلچەمشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى.

ئۆلچەمشۇناسلىق

  • ئۆلچەمشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆلچەم سىستېمىسى ياكى ئۆلچەش ئۇسۇلى ھەققىدىكى پەن.

ئۆلچەملەشتۈرمەك

  • ئۆلچەملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆلچەملەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئالدى بىلەن كۆچەت تىكىلىدىغان يەرلەرنى تەكشى تۈزلەپ يول، ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرى ۋە ئورمان بەلۋاغلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، كۆچەتلەرنىڭ سۈپەتلىك تىكىلىشىگە ئاساس ياراتتى.

ئۆلچەملەشتۈرۈشمەك

  • ئۆلچەملەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆلچەملەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆلچەملەشتۈرۈلمەك

  • ئۆلچەملەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئۆلچەملەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تاۋارلار ئۆلچەملەشتۈرۈلدى.

ئۆلچەملەشمەك

  • ئۆلچەملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆلچەمگە مۇۋاپىقلاشماق، ئۆلچەملىك بولماق.

ئۆلچەملىك

  • ئۆلچەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مۇئەييەن ئۆلچەمگە ئىگە بولغان، ئۆلچەم ئاساسىدا ئىشلەنگەن، ئۆلچەمدىكى:[مىسال:] ئۆلچەملىك ئوغۇت. * ئۇنداق بولسا ناھايىتى ياخشى، ئەگەر ئۆلچەملىك رەسىمنى تەلەپ قىلساڭلار بىر پارچە بېرەي.[يەشمىسى:] ② ئۆلچەم قىلىنغان، ئۆلچەم قىلىپ بەلگىلەنگەن:[مىسال:] ئۆلچەملىك ۋاقىت.

ئۆلچەملىك تىل

  • ئۆلچەملىك تىل[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] مىللىي ئورتاق تىلنىڭ پىششىقلانغان، قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلى، يەنى ئەدەبىي تىل.

ئۆلچەملىك ۋاقىت

  • ئۆلچەملىك ۋاقىت[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ① بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ۋاقىت رايونى ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلار ئورتاق ئىشلىتىدىغان ۋاقىت. ئادەتتە بۇ ۋاقىت رايونى ئوتتۇرىسىدىكى مېرىدىئاننىڭ ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② بىر دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئورتاق قوللىنىدىغان ۋاقىت. ئادەتتە پايتەخت تۇرۇشلۇق ۋاقىت رايونىنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى ئاساس قىلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى (بېيجىڭ ۋاقتى) شەرقىي 8-ۋاقىت رايونىدىكى ئۆلچەملىك ۋاقىت بولۇپ، نۆل گرادۇسلۇق باش مېرىدىئان جايلاشقان مەركىزىي ۋاقىت رايونىدىن سەككىز سائەت ئىلگىرى تۇرىدۇ.

ئۆلچەنمەك

  • ئۆلچەنمەك[يەشمىسى:] «ئۆلچىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دۇنيادا مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ نەرسە بولمىسا كېرەك، ئۇنىڭ پاكلىقى ۋىجدان بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

ئۆلچىمەك

  • ئۆلچىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئېغىرلىقى، ھەجمى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئېنىقلىماق:[مىسال:] سۇنىڭ مىقدارىنى ئۆلچىمەك. پاختىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەك. *يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس (ماقال). * سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزمەك، ئۇنىڭ پايدىلىق ياكى زەرەرلىك تەرەپلىرىنى ھېسابقا ئالماق؛ مۆلچەرلىمەك:[مىسال:] سابىر، قاسىمنىڭ پىكىرىنى ئۆلچەپ كۆرۈۋاتقاندەك قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلىنىپ تۇردى-دە، قاسىمغا قارىدى.

ئۆلكەⅠ

  • ئۆلكەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەمۇرىي رايونلارنى بۆلۈش بىرلىكى، مەركەزگە بىۋاسىتە قارايدۇ.

ئۆلكەⅡ

  • ئۆلكەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېرىق، ئۆستەڭ سۈيى بىلەن تېرىلىدىغان، كۆكەرتىلىدىغان:[مىسال:] ئۆلكە يەر.

ئۆلكىلىك

  • ئۆلكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆلكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك:[مىسال:] خەتنىڭ ئاخىرىغا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋە باش قوماندان جىڭ شۇرېن دەپ قويۇلغانىكەن.[يەشمىسى:] ② ئۆلكىگە قاراشلىق، ئۆلكە قارمىقىدىكى:[مىسال:] ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن.

ئۆلگۈچى

  • ئۆلگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆلگەن كىشى:[مىسال:] كىشىلەر ئەپەندىمدىن ئۆلگۈچىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئەپەندىم ئۇنىماپتۇ.

ئۆلگۈدەك

  • ئۆلگۈدەك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى، ناھايىتى بەك، ئىنتايىن؛ قاتتىق:[مىسال:] ئۆلگۈدەك قورقماق. ئۆلگۈدەك ئۇسساپ كەتمەك.

ئۆلگۈر

  • ئۆلگۈر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىركىم ياكى نەرسىگە نىسبەتەن نارازىلىقنى، نەپرىتىنى ئىپادىلەيدىغان، «ئۆلۈمگە لايىق، ئۆلۈمگە تېگىشلىك» دېگەن مەنىلەردىكى قارغىش سۆزى:[مىسال:] مەن ئۇنى «ئۆلگۈر دەججال يەنە جېدەل قىلىدىغان بولساڭ، قاماپ قويىمەن» دەپ قورقۇتۇپ قويغانىدىم.

ئۆلمەك

  • ئۆلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھاياتى تۈگىمەك، ياشاشتىن توختىماق، قازا قىلماق؛ ھالاك بولماق:[مىسال:] يېتىپ ئۆلگۈچە، ئېتىپ ئۆل (ماقال).[يەشمىسى:] ② يوق بولماق، يوقالماق، تۈگىمەك، تۈگەشمەك، نابۇت بولماق:[مىسال:] يەرلەر شورلىشىپ كېتىپ زىرائەتلەر ئۆلدى. * نۇرغۇن ۋاقتىم ئۆلدى.[يەشمىسى:] ③ كۈچىدىن، رولىدىن قالماق؛ بىكار قىلىنماق:[مىسال:] كىنو بېلىتى ئۆلدى. * ئەگەر پاختا، ئاشلىق بېلەتلىرى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئىشلىتىلمىسە ئۆلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ ئىناۋىتى، ئەھمىيىتى تۈگىمەك:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئەمگىكىم ئۆلدى. * ئاشپەزچىلىك دېگەن ئۆلمەيدىغان ھۈنەر.[يەشمىسى:] ⑤ ئۆز خۇسۇسىيىتىنى، سۈپىتىنى قەدىر-قىممىتىنى يوقاتماق؛ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلمەك، چۈشۈپ قالماق:[مىسال:] ئۆلگەن ئېلېكتر مېيى. ئۆلگەن ھاك.[يەشمىسى:] ⑥ ناھايىتى قاتتىق بېرىلمەك، ئۆزىنى ئۇرماق:[مىسال:] بالىلار كىنو دېسە ئۆلۈپ بېرىدۇ. * ئۇ بالىسى ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىدۇ.

ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇماق

  • ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇماق[يەشمىسى:] ئىشتىن بۇرۇن چارە-ئامال قىلماي، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئامال ئىزدىمەك:[مىسال:] ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇشنىڭ پايدىسى يوق. يولىنى تېپىپ كېتىشەلىسىلا مەيلىغۇ، زاھىتمۇ يامان بالا ئەمەس.

ئۆلۈپ تۇرماق

  • ئۆلۈپ تۇرماق[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە، ئىش-ھەرىكەتكە ھەددىدىن زىيادە بېرىلمەك؛ شۇنىڭغا يېتىشنى ياكى قىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلماق:[مىسال:] كىچىك بالا دېگەن كىنو دېسە ئۆلۈپ تۇرىدۇ. *ئۇ دېگەن بىر توپ مەستانىسى، شۇڭا توپ دېسە ئۆلۈپ تۇرىدۇ.

ئۆلمىگۈر

  • ئۆلمىگۈر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئۆلۈشكە لايىق بولسىمۇ ئۆلمىگەن، ئۆلۈشكە تېگىشلىك تۇرۇپ ئۆلۈم كەلمىگەن، ئۆلۈشكە ھەقلىق» دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدىغان قارغىش سۆزى:[مىسال:] ئون نەچچە كۈن بولدى، مېنى بۇ ئىككى ئۆلمىگۈر قاراقچى بۇلاپ بۇ يەرگە ئەكېلىۋالدى.

ئۆلۈشمەك

  • ئۆلۈشمەك[يەشمىسى:] «ئۆلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاپتوبۇس ياردىن چۈشۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈشتى.

ئۆلۈك

  • ئۆلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاياتى تۈگىگەن كىشى، جانسىز تەن، ئۆلگەن ئادەمنىڭ جەسىتى؛ جەسەت:[مىسال:] ئۆلۈكنى يۇماق. ئادەم ئۆلۈكى. * ھەركىم ئۆز ئۆلۈكى ئۈچۈن يىغلار (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋان، قۇرت-قوڭغۇز قاتارلىقلارنىڭ ئۆلگەن، جېنى چىققاندىن كېيىنكى تېنى؛ تاپ، مۇردا:[مىسال:] ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاياتىدىن، جېنىدىن ئايرىلغان؛ ئۆلگەن، جېنى چىققان، ھاياتى تۈگىگەن، جانسىز:[مىسال:] ئۆلۈك ئات. ئۆلۈك ئېشەك.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارىسىغا، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەمەس، جانلىق بولمىغان:[مىسال:] لېكىن سىياسەتنى ئۆلۈك ھالدا قوللىنىشقىمۇ بولمايتتى. ∥ ئۆلۈك يادلىۋالماق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاقمايدىغان، تىنىپ كەتكەن؛ بىر جايدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەن:[مىسال:] ئۆلۈك سۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەسسىلىپ ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ كەتكەن، ئۇۋاق ھەم يۇمشاق:[مىسال:] ئۆلۈك توپا.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇنۈك؛ نۇرلۇق ئەمەس، جانسىز:[مىسال:] ئۆلۈك كۆز.

ئۆلۈك توپا

  • ئۆلۈك توپا[يەشمىسى:] دەسسىلىپ ئۇۋاق، يۇمشاق بولۇپ كەتكەن توپا.

ئۆلۈكتىن پەيشەنبىلىك تىلىمەك

  • ئۆلۈكتىن پەيشەنبىلىك تىلىمەك[يەشمىسى:] قىلچە ئىمكانىيىتى يوق، قەتئىي مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلماق:[مىسال:] بۇ خۇددى ئۆلۈكتىن پەيشەنبىلىك تىلىگەندەك بىر ئىش بولدى-دە.

ئۆلۈك سۇ

  • ئۆلۈك سۇ[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئاقمايدىغان، ئايىغى چىقىرىلمايدىغان سۇ.

ئۆلۈككە جان تىلىمەك

  • ئۆلۈككە جان تىلىمەك[يەشمىسى:] مۇمكىن بولمايدىغان بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ قۇرۇق ئاۋارە بولماق، مۇمكىن بولمايدىغان، ئىمكانىيىتى يوق ئىشتىن بىھۇدە ئۈمىد كۈتمەك:[مىسال:] سىز بۇ ئىشتىن ئۈمىد كۈتمەڭ، ئۆلۈككە جان تىلىمەڭ، پايدىسى يوق ئۇكام، دېدى ئۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ.

ئۆلۈك مال

  • ئۆلۈك مال[كەسىپ تۈرى:] [كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] بېسىلىپ قالغان، سېتىلىش يولى راۋان بولمىغان كاسات مال.

ئۆلۈكى ئارتۇق

  • ئۆلۈكى ئارتۇق[يەشمىسى:] مىڭ ھەسسە ياخشى، سېلىشتۇرۇپ مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە ياخشى (كىشىلەرنى بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا):[مىسال:] ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن رەنانىڭ ئۆلۈكىمۇ ئارتۇق.

ئۆلۈكىنى ئارتماق

  • ئۆلۈكىنى ئارتماق[يەشمىسى:] ① قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ھەممە ئېغىرلىقىنى ئارتماق، ھەممە ئىشتا يۆلىنىۋالماق:[مىسال:] ئۇنى ئاز دېگەندەك يەنە... ئۆلۈكۈمنى ئارتىپ خەلقىئالەم ئالدىدا بېشىڭىزنى كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويدۇم، دەپ سۆزلىگىلى تۇردى قىز.[يەشمىسى:] ② ئۇششۇقلۇق قىلماق:[مىسال:] ئەگەر ئۇنىڭغا تېگىپلا قويسىڭىز سىزگە ئۆلۈكىنى ئارتىدۇ.

ئۆلۈكىنى ساتماق

  • ئۆلۈكىنى ساتماق[يەشمىسى:] «ئۆلۈكىنى ئارتماق»قا قاراڭ:[مىسال:] بىزدىن پۇل تەلەپ قىلىشقا پېتىنىدىغان نەچچە جېنىڭ بار ھوي ئۆلۈكىنى ساتىدىغان گاداي، دېدى ئەسكەر.

ئۆلۈكخانا

  • ئۆلۈكخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆلۈك+خانا[[يەشمىسى:] ئۆلۈك ساقلايدىغان، ئۆلۈكنى ۋاقتىنچە قويۇپ قويىدىغان ئۆي:[مىسال:] مېنى ھېلىقى ئۆلۈكخانىغا، دادامنى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا سولىدى. ئۇزۇن كېچە ئۇيقۇسىز ئۆتتى.

ئۆلۈم

  • ئۆلۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزمدىكى ھاياتىي پائالىيەتنىڭ توختىشى، تۈگىشى؛ تىرىك ئورگانىزم ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى؛ ھالاكەت، يوقىلىش:[مىسال:] ئۆلۈم جازاسى. ۋاقىتسىز ئۆلۈم. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنماق.

ئۆلۈم بۇرنىغا پۇرىماق

  • ئۆلۈم بۇرنىغا پۇرىماق[يەشمىسى:] ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى، ئەجەلنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى تۇيماق، ئەجىلى توشۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلماق:[مىسال:] ئۇرۇش دېگەندە ھەر مىنۇتتا ئۆلۈم بۇرنۇڭغا پۇراپ تۇرىدۇ.

ئۆلۈم جازاسى

  • ئۆلۈم جازاسى[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] جىنايەتچىنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىدىغان جازا.

ئۆلۈمتۈك

  • ئۆلۈمتۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلەر ھالەتكە يەتكەن، ئۆتە زەئىپ، نىمجان:[مىسال:] ئۆلۈمتۈك خوتۇن. ئۆلۈمتۈك ئادەم.

ئۆلۈمتۈكلۈك

  • ئۆلۈمتۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىمجانلىق، زەئىپلىك، ئۆلەرمەن ھالەت.

ئۆلۈملۈك

  • ئۆلۈملۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېيىتنى ئۇزىتىش ئىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن لازىم بولىدىغان رەخت، پۇل قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] قاسىم ئاكا ئۆزىنىڭ ئۆلۈملۈكى ئۈچۈن ئاتاپ قويغان ئاخىرقى پۇللىرىنى زاۋۇت باشلىقىغا ئۇزاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ئۆلۈم چىققان:[مىسال:] ئۆلۈملۈك ئۆي. ئۆلۈملۈك بولۇپ قالماق.

ئۆلۈمنامە

  • ئۆلۈمنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۆلۈم+نامە[[يەشمىسى:] بىركىمنى ئۆلتۈرۈش، يوق قىلىش ھەققىدىكى ھۆكۈم ياكى بۇيرۇق؛ ئۆلۈم خەت:[مىسال:] خەن دارىن سىيىت نوچىنىڭ قولىدىن مادوتەي يېزىپ بەرگەن ئۆلۈمنامىنى ئېلىپ ئوقۇپ، كۆڭلىدە خۇشال بوپتۇ.

ئۆلۈم-يىتىم

  • ئۆلۈم-يىتىم[يەشمىسى:] ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بولغان ئۆلۈم، مۇسىبەت:[مىسال:] ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى.

ئۆلىما (ئۆلىماسى)

  • ئۆلىما (ئۆلىماسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق تەلىماتلىرىنى بىلىدىغان، دىنىي جەھەتتىن يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولغان كىشى؛ دىنىي ئالىم:[مىسال:] ئۇ 15 ياشقا كىرگەندە ھەممە كىتابلارنى ئوقۇپ، جىمى بىلىملەرنى ئىگىلەپ ئۆلىما بولۇپ يېتىشىپتۇ.

ئۆلىمالىق

  • ئۆلىمالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلىمالاردا بولىدىغان، ئۆلىمالارغا خاس:[مىسال:] بىر ئايدىن كېيىن «خەتمىكۇتۇب» قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان كۈنۈم، مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئۆلىمالىق شۆھرىتى، قازى مەنسەپلىرى ھەققىدە سۈرۈشتە قىلمايلا، دادامنىڭ مازىرىنى يوقلاپ روھىغا دۇئا قىلىش ئۈچۈن يەكەنگە ئاتلاندىم.

ئۆم

  • ئۆم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان، توپلىشىپ، ئىناق ياشايدىغان؛ ئىناق؛ ئىتتىپاق:[مىسال:] ئۆم كىشىلەر. * بۇرۇن جاڭگالدا ياۋايى ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن شۇنداق ئۆم ئىكەنكى، ئاتا-بالا، ئاكا-ئۇكا، ئېگىچە-سىڭىل بولۇپ ياشايدىكەن.

ئۆمە-دۆمە

  • ئۆمە-دۆمە [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاددىيلا، غەيرىي رەسمىي.

ئۆمەك

  • ئۆمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەشكىلىي يوسۇندا مەلۇم بىر ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن توپلاشقان كىشىلەر كوللېكتىپى ۋە شۇ كوللېكتىپ جايلاشقان ئورۇن:[مىسال:] سەنئەت ئۆمىكى. ھال سوراش ئۆمىكى. ۋەكىللەر ئۆمىكى. تەكشۈرۈش ئۆمىكى.

ئۆمەكلىك

  • ئۆمەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆمەك بولۇپ ئۇيۇشقان، بىرلەشكەن:[مىسال:] ئۆمەكلىك ئىتنىڭ قۇيرۇقى دىڭ (ماقال).

ئۆمەللەتمەكⅠ

  • ئۆمەللەتمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئۆمەللىمەكⅠ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خېمىرنى ئۆمەللەتمەك.

ئۆمەللەتمەكⅡ

  • ئۆمەللەتمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئۆمەللىمەكⅡ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاغزىنى ئۆمەللەتمەك.

ئۆمەللەشمەكⅠ

  • ئۆمەللەشمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئۆمەللىمەكⅠ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار كېلىپ، تونۇرغا ياقىدىغان ناننىڭ خېمىرىنى ئۆمەللەشتى.

ئۆمەللەشمەكⅡ

  • ئۆمەللەشمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئۆمەللىمەكⅡ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئاغزىلىرىنى ئۆمەللەشتى.

ئۆمەللەنمەكⅠ

  • ئۆمەللەنمەكⅠ[يەشمىسى:] «ئۆمەللىمەكⅠ»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خېمىر ئۆمەللەندى.

ئۆمەللەنمەكⅡ

  • ئۆمەللەنمەكⅡ[يەشمىسى:] «ئۆمەللىمەكⅡ»پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ سۆز ئەزىز بەگكە سېھىردەك تەسىر قىلدى، دالاندا تۇرغان ئەسكەر ئارقىلىق جاللات چاقىرىشقا ئۆمەللەنگەن ئاغزى ئۆز زىيىنىغا ھەرىكەتلەندى:[مىسال:] ئوردىبېگىگە ئېيت، ھاجىغا بىر كىمخاب تون ئاچىقىپ كىيدۈرسۇن دېدى.

ئۆمەللىمەكⅠ

  • ئۆمەللىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇنغا سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرماق:[مىسال:] تەڭنىدىكى خېمىرنى ئۆمەللىمەك.

ئۆمەللىمەكⅡ

  • ئۆمەللىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ، گەپ قىلىشقا راسلىماق، تەمشەلمەك:[مىسال:] نىجات ئاغزىنى نېمىدۇر دېيىشكە ئۆمەللىدى-يۇ، ھېچ نەرسە دېمەستىن يەرگە قارىدى.

ئۆمچىكلىمەك

  • ئۆمچىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆمەللىمەكⅡ.

ئۆمسە

  • ئۆمسە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غەلىتە، ئاجايىپ، بىرقىسمىلا، بۆلەكچىلا:[مىسال:] ھازىر شەھەردە پايلاقچىلار كۆپ، ئەگەر كوچىدا ياكى دەرۋازىنىڭ ئالدىدا يوچۇن، ئۆمسە كىشىلەرنى بايقىساڭ، كىرمەي يېنىپ چىق، سەگەك بولمىساق بولمايدۇ، ئۇكام.

ئۆمكەن

  • ئۆمكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوڭ ماللارنىڭ كۆكرىكى.

ئۆمگەك

  • ئۆمگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لوققا، لىپىلداق، بوۋاق بالىنىڭ بېشىدىكى قاتمىغان يېرى.

ئۆمگەن

  • ئۆمگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گۆرەن تومۇر.

ئۆملەشتۈرمەك

  • ئۆملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆملەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خەلقنى ئۆملەشتۈرمەك. كىشىلەرنى ئۆملەشتۈرمەك.

ئۆملەشمەك

  • ئۆملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆم بولماق، ئۆم ھالەتكە كەلمەك، جەم بولماق:[مىسال:] زىنداندىكىلەر ئازاد قىلىنىپ، بالا-چاقىلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ خۇشال كۆرۈشۈپ ئۆملەشمەكتە.[يەشمىسى:] ② ئىناق، ئىتتىپاق بولماق؛ ئىتتىپاقلاشماق:[مىسال:] شۇندىن تارتىپ ئۇلار تېخىمۇ ئۆملىشىپ، تىنچ-ئامان، خاتىرجەم ياشاشقا باشلاپتۇ.

ئۆملۈك

  • ئۆملۈك [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىناقلىق، ئىتتىپاق بولۇش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، ئۇيۇشۇش، بىرلىشىش:[مىسال:] ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرلىكتە ئۆزئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ياكى نەرسىدىن تەركىب تاپقان:[مىسال:] ئۆملۈك دەرىجە.

ئۆملۈك دەرىجە

  • ئۆملۈك دەرىجە[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن تەركىب تاپقان گرامماتىك ئىگىنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتنى بىر-بىرىگە قارىتىپ ياكى مۇسابىقىلىشىپ ئېلىپ بېرىشىنى ۋە ئەسلىي ھەرىكەتنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمدىن تەركىب تاپقان گرامماتىك ئىگە تەرىپىدىن ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدىغان دەرىجە. مەسىلەن، بېرىشتى، ئىشلىشىپ بەردىگە ئوخشاش.

ئۆملۈك سان

  • ئۆملۈك سان[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] شەيئىنىڭ بىر توپىنىڭ سانىنى بىلدۈرگۈچى سۆزلەر. مەسىلەن، ئۈچەيلەن، بەشەيلەن دېگەنگە ئوخشاش.

ئۆمۈچۈك

  • ئۆمۈچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. تېنى يۇمىلاق ۋە سوقىچاق. تور سېلىپ ھاشارات تۇتىدۇ. ئۆينىڭ تورۇسلىرىدا، ئوت-چۆپ ئارىسىدا ياشايدۇ.

ئۆمۈر

  • ئۆمۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تۇغۇلغاندىن تا ئۆلگۈچە بولغان ۋاقىت، دەۋر، ھايات:[مىسال:] ئۆمۈر بويى. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەك.

ئۆمرىگە كېلىپ

  • ئۆمرىگە كېلىپ[يەشمىسى:] تۇغۇلۇپ:[مىسال:] باقى ئۆمرىگە كېلىپ بۇنداق ئېگەرنى ياساپ باقمىغانىكەن.

ئۆمۈر بويى

  • ئۆمۈر بويى[يەشمىسى:] تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ئۆلگۈچە، پۈتۈن ھاياتى داۋامىدا، بىر ئۆمۈر، پۈتۈن ئۆمۈر:[مىسال:] ئۆمۈر بويى ئىشلىمەك.

ئۆمۈر سودىسى

  • ئۆمۈر سودىسى[يەشمىسى:] نىكاھ ئىشىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] زەگەر قىز تەرەپ ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، «توي دېگەن ئۆمۈر سودىسى» دېگەننى قوشۇپ قويدى.

ئۆمۈرلۈك

  • ئۆمۈرلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر ئۆمۈر داۋام قىلىدىغان، ئۆمۈرۋايەتلىك:[مىسال:] ئۆمۈرلۈك دوست. ئۆمۈرلۈك ئىش. ئۆمۈرلۈك كەسىپ. ئۆمۈرلۈك ھەمراھ. * يامانلىق — بىردەملىك، ياخشىلىق — ئۆمۈرلۈك (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆمۈر بويى؛ ئەبەدىي:[مىسال:] ئۇ بۈگۈن يەنە ئۆزىنىڭ ئوردىغا ئۆمۈرلۈك سېتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆمۈر بويى بىللە ئۆتىدىغان كىشىسى، جۈپتى (شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ):[مىسال:] چۈنكى ئۆز ماكانىمدا ئۆمۈرلۈكۈم سەئىدە يولۇمغا تەلمۈرۈپ قالغان، دەپتۇ سەلەي.

ئۆمۈرۋايەت

  • ئۆمۈرۋايەت[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۆمرى تۈگىگۈچە، ئۆلگەنگە قەدەر؛ تا ئۆلگۈچە:[مىسال:] ئۆمۈرۋايەت كۆرۈشمەسلىك.[يەشمىسى:] ② مەڭگۈ ئەبەدىي:[مىسال:] ئۇ بۇ يەرگە ئۆمۈرۋايەت كەلمەيدۇ.

ئۆمۈرۋايەتلىك

  • ئۆمۈرۋايەتلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆمۈر بويى مەشغۇل بولىدىغان ئىش، كەسىپ:[مىسال:] لېكىن بۇ گوندىپاي بولسا مۇشۇ ئىشنى ئەڭ ياخشى كەسىپ دەپ قاراپ، ئۆمۈرۋايەتلىككە تاللىۋالغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆمۈر بويى داۋام قىلىدىغان، ئۆمۈرلۈك:[مىسال:] بۇ - ئۆمۈرۋايەتلىك ئىش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان روھ بولمىسا، بۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن بىر ئۆمۈر، ئۆمۈر بويى، ئۆمۈرۋايەت؛ مەڭگۈ، ئەبەدىي:[مىسال:] مەن سىزنى ئۆمۈرۋايەتلىك بەختلىك قىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنەمسىز

ئۆمۈلدۈرۈك

  • ئۆمۈلدۈرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «كەمەلدۈرۈك»كە قاراڭ.

ئۆمىلاقمان

  • ئۆمىلاقمان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئالدىراش، ئالدىراپ-تېنەپ، نېرى-بېرىسىنى ئويلىشىپ يۈرمەيلا، دەرھال. [يەشمىسى:] ② قالايمىقان، چېچىلاڭغۇ.

ئۆمىلەتمەك

  • ئۆمىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئۆمىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالىنى ئۆمىلەتمەك. جەڭچىلەرنى ئۆمىلەتمەك.

ئۆمىلەشمەك

  • ئۆمىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆمىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىر چاي قاينىمى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مەست بەڭگىلەر ئۆمىلىشىپ تالاغا چىقىپ قارىسا، ھېلىقى خوتۇن ھېچ يەردە كۆرۈنمەپتۇ.

ئۆمىلىمەك

  • ئۆمىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەۋدىسىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، پۇت بىلەن ئىتتىرىپ، قول بىلەن تارتىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەك، ماڭماق:[مىسال:] جەڭچىلەر دۈشمەننىڭ سىم توساقلىرىدىن ئۆمىلەپ ئۆتتى.

ئۆنجىمەس

  • ئۆنجىمەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۈن ئاتلىماي تۇغىدىغان، سىجىل، ئۇدا.

ئۆنچە

  • ئۆنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىشقاندىن كېيىن ئورۇۋېلىنغان، تېخى تېپىلمىگەن بۇغداي:[مىسال:] دادام ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ. خامانغا بېرىپ ئۇلاغنىڭ ئايىغىغا ئۆنچە سېلىۋاتاتتى.

ئۆندە

  • ئۆندە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يامان، قالتىس، كارامەت.

ئۆندەرەتمەك

  • ئۆندەرەتمەك[يەشمىسى:] «ئۆندەرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۆندەرەشمەك

  • ئۆندەرەشمەك[يەشمىسى:] «ئۆندەرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆندەرىشىپ ئويغانغان كىشىلەر ئېتىلىۋاتقان ئوقلار ئاۋازىغا قاراپ خېلىدىن بېرى كوچىلارغا چاپلانغان تەشۋىقات ۋەرەقىسىدىكى گەپلەرنىڭ بۈگۈن ھەقىقەتكە ئايلانغانلىقىغا ئىشەندى.

ئۆندەرىمەك

  • ئۆندەرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئالدىرىماق؛ تەمتىرىمەك، ھولۇقماق؛ تېنىمەك:[مىسال:] ئۆندەرىمەي سۆزلەڭ.[يەشمىسى:] ② چۆچۈمەك:[مىسال:] بالا ئۆندەرەپ ئويغىنىپ كەتتى.

ئۆندۈلۈك

  • ئۆندۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خاتالىق، سەۋەنلىك.

ئۆھۆ

  • ئۆھۆ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق يۆتەلگەندە چىقىدىغان كۈچلۈك ھەم قىسقا ئاۋاز:[مىسال:] ئۆھۆ، ئۆھۆ قىلىپ يۆتەلمەك.

ئۆۋەر

  • ئۆۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۈنگەي.

ئۆۋەك

  • ئۆۋەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۆلەنچۈك.

ئۆي

  • ئۆي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياشاش ياكى تۈرلۈك تەشكىلات، مۇئەسسەسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ جايلىشىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ئىمارەت، بىنا:[مىسال:] ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي. * ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە ئىتنىڭ سىيگۈسى كەپتۇ (ماقال). * قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىنا، ئىمارەت ئىچىدىكى ھەربىر خانا:[مىسال:] يورۇق ئۆي. كەڭ ئۆي. * قىز بىر ئۆيدىن چىقىپ، ئىككىنچى بىر ئۆيگە كىرىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىجتىمائىي تەلەپنى قاندۇرۇشقا قارىتىلغان مۇئەسسەسە، ساراي:[مىسال:] مەدەنىيەت ئۆيى. دەم ئېلىش ئۆيى. بالىلار ئۆيى. پىئونېرلار ئۆيى.[يەشمىسى:] ④ ئائىلە؛ خانىدان:[مىسال:] ئۆي تۇتماق. ئۆيى بۇزۇلماق. *قىرىق ئۆي قۇدا بولسا، قىرىق يىل قىرغىن بولماس (ماقال).

ئۆي ئايرىماق

  • ئۆي ئايرىماق[يەشمىسى:] ئايرىم ئۆي تۇتماق، بۆلەك ئولتۇرماق.

ئۆي بولماق

  • ئۆي بولماق[يەشمىسى:] مەڭگۈ ئەر-خوتۇن بولۇپ بىللە ياشىماق، بىللە ئۆتمەك:[مىسال:] ئۆزىڭىز تاللاڭ، مەن بىلەن ئۆي بولامسىز ياكى ئاجرىشامسىز ئۆي بولىمەن دېسىڭىز ھازىر مەن بىلەن بىللە مېڭىڭ، دېدى سادىر گۈلخانغا.

ئۆي-بىسات

  • ئۆي-بىسات[يەشمىسى:] ئۆي ۋە ئۆي ئىچىدىكى تۇرمۇشقا لازىم بولىدىغان بارلىق نەرسە-كېرەكلەر:[مىسال:] مەن سىزنى نىيازنىڭ يېنىغا ئەكىرەي، ئۇنىڭ ئۆي-بىساتلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئۇلارنى كۆرسىڭىز خۇددى جەننەتكە كىرىپ قالغاندەك بولىسىز

ئۆي تۇتماق

  • ئۆي تۇتماق[يەشمىسى:] تۇرمۇشلۇق بولماق، ئەر-خوتۇن بولماق:[مىسال:] ئۆي تۇتساڭ بالاغا قالدىڭ، تۇتمىساڭ تالادا قالدىڭ (ماقال).

ئۆي تۆشۈكى

  • ئۆي تۆشۈكى [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆي ئىشلىرى، ئاشخانا ئىشلىرى.

ئۆي چېيى

  • ئۆي چېيى[يەشمىسى:] يېڭى ئۆيدە ئولتۇرغانلىقى ياكى باشقا بىر ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان چاي:[مىسال:] قاسىمجان يەكشەنبە كۈنى ئۆي چېيى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن، بۈگۈن تەييارلىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىشىمىزنى جېكىلەپ قويۇپ كەتتى، دېدى ئۇ.

ئۆي كۆتۈرمەك

  • ئۆي كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] ئۆيدىكى كىگىز-پالاس، يوتقان-كۆرپە قاتارلىقلارنى سىرتقا ئاچىقىپ قېقىپ تازىلاپ، ئۆيلەرنى سۈپۈرۈپ تازىلىق قىلماق:[مىسال:] بۇ كۈنى ئاياللارنىڭ ئىشى تېخىمۇ كۆپ. نان-پان يېقىپ، كىر-قات يۇيۇپ، ئوچاق-تونۇر باشلىرىنى سۇۋاپ، ئۆي كۆتۈرۈپ تازىلىق قىلىدۇ.

ئۆينى بېشىغا كىيمەك

  • ئۆينى بېشىغا كىيمەك[يەشمىسى:] ئۆيگە بىر كەلگۈدەك ۋارقىرىماق، ۋارقىراپ-جارقىراپ غەلۋە قىلماق:[مىسال:] پەرھات «بوۋام كەپتۇ، بوۋام كەپتۇ، نېمىشقا قابىلنى ئەكەلمىدىڭلار» دەپ ئۆينى بېشىغا كىيدى.

ئۆينى پىرقىراتماق

  • ئۆينى پىرقىراتماق[يەشمىسى:] ئائىلىنى قىينالماستىن باشقۇرماق:[مىسال:] ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن خېلى جىگىرى بار بالا ئىكەن قاراڭلار، شۇنچە چوڭ بىر ئۆينى پىرقىرىتىۋاتىدۇ.

ئۆينى تەۋرەتمەك

  • ئۆينى تەۋرەتمەك[يەشمىسى:] «ئۆينى چۆرگىلەتمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] نىكولاي پادىشاھ يېزىلاردا ساپلا قېرى-چۈرىلەرنى قالدۇرۇپ، كۈچكە تولۇپ قاتارغا قوشۇلغان، ئۆينىڭ ئىشىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆينى تەۋرىتىپ تۇرغان ئىشچان ياشلارنى ئەكېتىپ، يېزا تېرىقچىلىقىنى بۇزماقچى بولدى.

ئۆينى چۆرگىلەتمەك

  • ئۆينى چۆرگىلەتمەك[يەشمىسى:] پۈتۈن ئائىلىنى باشقۇرماق، بىر ئائىلىنىڭ بار-يوقىنى تېپىپ قامدىماق، باقماق:[مىسال:] ئۇ دېگەن بىر ئۆينى چۆرگىلىتىدىغان ئەر.

ئۆينى ئوچاق قىلىۋەتمەك

  • ئۆينى ئوچاق قىلىۋەتمەك[يەشمىسى:] جېدەل چىقىرىپ، ئۆينى بىر ئالماق، قالايمىقان قىلىۋەتمەك؛ جېدەل چىقىرىپ، ئۆينى بېشىغا كىيمەك.

ئۆيىگە چاشقان كىرسە يامانلاپ چىقىدۇ

  • ئۆيىگە چاشقان كىرسە يامانلاپ چىقىدۇ[يەشمىسى:] ئۆينىڭ ئىچىدە كىشى يېگۈدەك ياكى كىشىگە يارىغۇدەك ھېچ نەرسە يوق، ئۆينىڭ ئىچى قۇرۇق، ئىنتايىن نامرات:[مىسال:] كەچۈرۈڭلار، ئۆيۈمگە باشلىيالمىدىم، چۈنكى ھازىر ئۆيۈمگە چاشقان كىرسە يامانلاپ چىقىدۇ، دېدى ئۇ ئىنتايىن خىجىل بولۇپ.

ئۆيە

  • ئۆيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەڭگەن، بۇغداي پاخىلى.

ئۆي-ئەنجام

  • ئۆي-ئەنجام[يەشمىسى:] ئۆي ۋە ئەنجام:[مىسال:] بۇ - كوممۇنىستلار مېنىڭدىن تارتىۋېلىپ يالاڭ تۆشلەرگە بۆلۈپ بەرگەن يەر-زېمىن، مال-ۋاران ۋە ئۆي-ئەنجاملارنىڭ تىزىمى، دېدى بەگ.

ئۆي-جاي

  • ئۆي-جاي[يەشمىسى:] ئۆي ۋە ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھويلا ھەم ئۇنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىغان باغۋاران قاتارلىقلار:[مىسال:] ئۆي-جاي قىلماق. * يېزىلارنىڭ ئۆي-جاي قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئۆي-سەرەمجان

  • ئۆي-سەرەمجان[يەشمىسى:] ئۆي ۋە سەرەمجان:[مىسال:] بىر قاتار ئۆي-سەرەمجانلىرىدىن باشقا ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە تۇراتتى.

ئۆيسىز

  • ئۆيسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆيى يوق، ئۆيگە ئىگە ئەمەس، ئۆيدىن ئايرىلغان:[مىسال:] ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى ئۇ يەردە ئۆيسىز پۇقرالار كۆپىيىشكە باشلىدى.

ئۆيسىز-ماكانسىز

  • ئۆيسىز-ماكانسىز[يەشمىسى:] ئۆي-ماكانى يوق، ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغان، سەرسان.

ئۆيلەك

  • ئۆيلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆي ئورنى، ئۆي ئورنىغا تاللانغان يەر.

ئۆيلەڭ

  • ئۆيلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سازلىق، چىملىق.

ئۆيلەندۈرمەك

  • ئۆيلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئۆيلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] جامائەت ئۇنى جاھاندىن ئەۋلادسىز كەتمىسۇن دەپ، رەۋىخان دېگەن بىر تۇل ئايالغا ئۆيلەندۈرۈپ قويغانىدى.

ئۆيلەنمەك

  • ئۆيلەنمەك[يەشمىسى:] ① «ئۆيلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆزلىىكاھىغا - خوتۇنلۇققا ئالماق، ئائىلە قۇرماق (ئەر كىشى ھەققىدە):[مىسال:] ساۋۇتخان ئۇستام ئاكىسىدىن ئىككى يىل كېيىن چولپان ئىسىملىك مەڭزى ئاناردەك يېزىلىق قىزغا ئۆيلەندى.

ئۆيلۈك

  • ئۆيلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆيى بار، ئۆيگە ئىگە:[مىسال:] ھازىرچە جايلىشىپ تۇرسۇن، ئۇلار بۇ ئۆيلەردە ئۇزۇن ئولتۇرمايدۇ، كېيىن يەر كۆرسىتىپ بەرسەك، ئۆيلۈك ۋە باغۋارانلىق بولۇپ قالىدۇ، دېدىم كاتىپقا.[يەشمىسى:] ② ئۆي چۈشىدىغان، ئۆي سىغىدىغان:[مىسال:] شۇنچە كەڭ يېزىدىن مۇئەللىم پاتقۇدەك ئۆيلۈك زېمىن چىقمامدىكەن دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.[يەشمىسى:] ③ ئۆيلەردىن تەشكىل تاپقان، ئۆيلەردىن ئىبارەت:[مىسال:] يۈز ئۆيلۈك مەھەللە. * بىزنىڭ يېزىدا ئوتتۇز ئۆيلۈك ئادەم بار.[يەشمىسى:] ④ ئۆي تۇتقان، ئائىلە قۇرغان، توي قىلىپ ئائىلىۋى تۇرمۇش كەچۈرگەن:[مىسال:] ئۆيلۈك بولماق.

ئۆيلۈك-ئوچاقلىق

  • ئۆيلۈك-ئوچاقلىق[يەشمىسى:] توي قىلغان، ئۆي ۋە خوتۇن، بالىلىرى بولغان:[مىسال:] ئۆيلۈك-ئوچاقلىق ئادەم. ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولماق.

ئۆيلىمەك

  • ئۆيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خوتۇن ئېلىپ بەرمەك:[مىسال:] ئوغۇل ئۆيلىمەك.

ئۆيلىنىشمەك

  • ئۆيلىنىشمەك[يەشمىسى:] «ئۆيلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۆي-ماكان

  • ئۆي-ماكان[يەشمىسى:] ئۆي ۋە ماكان، ئۆيى جايلاشقان، ئولتۇراقلاشقان تۇرالغۇ جايى:[مىسال:] ئۆي-ماكاندىن ئايرىلماق.

ئۆي-ماكانسىز

  • ئۆي-ماكانسىز[يەشمىسى:] ئۆيى-ماكانى، تۇرالغۇسى يوق؛ ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغان:[مىسال:] ئۇ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ يۈزىگە قارىيالماي، ئۆي-ماكانسىز بىر سەرگەردان بولۇپ كەتكەنىكەن.

ئۆي-ماكانلىق

  • ئۆي-ماكانلىق[يەشمىسى:] ئۆي-ماكانى بار، ئۆي-جايغا ئىگە:[مىسال:] ئۆي-ماكانلىق كىشى. ئۆي-ماكانلىق بولۇپ قالماق.

ئۆيمەك

  • ئۆيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭلى بىرقىسما بولماق، بىئارام بولماق؛ تەشۋىشلەنمەك، ئەندىشىگە چۈشمەك، ئەنسىرىمەك:[مىسال:] ئۇلار كۆڭلى ئۆيگەن ھالدا بىر-بىرىگە قاراشتى.

ئۆيمۇئۆي

  • ئۆيمۇئۆي[يەشمىسى:] ئۆيدىن ئۆيگە كۆچۈپ، بارچە ئۆيلەرنى ئايلىنىپ، ھەممە ئۆيلەرنى كېزىپ:[مىسال:] ئۆيمۇئۆي ئىزدىمەك. ئۆيمۇئۆي كىرمەك. ئۆيمۇ ئۆي ھېيتلىماق.

ئۆي-مۈلۈك

  • ئۆي-مۈلۈك[يەشمىسى:] ئۆي ۋە مۈلۈك، تۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان نەرسىلەر:[مىسال:] ئاچىلىرىم ئۆزلىرىگە ئۆي-مۈلۈك قىلدى، تۇرمۇش قۇردى.

ئۆي-ئوچاقلىق

  • ئۆي-ئوچاقلىق[يەشمىسى:] توي قىلغان، تۇرمۇش قۇرغان، ئۆي تۇتقان:[مىسال:] ئۆي-ئوچاقلىق ئادەم. ئۆي-ئوچاقلىق بولماق.

ئۆي-ئورتاقلىق

  • ئۆي-ئورتاقلىق[يەشمىسى:] «ئۆي-ئوچاقلىق»قا قاراڭ.

ئۆيۋاق

  • ئۆيۋاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىدىكى باغۋاران، قورۇ-جاي قاتارلىقلار:[مىسال:] ئۆيۋاقىنى سېتىۋەتمەك.

ئۆيۋاقلىق

  • ئۆيۋاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆيۋاقى بار، ئۆيۋاقى بولغان:[مىسال:] ئۆيۋاقلىق ئادەم.

ئۆي-ئىمارەت

  • ئۆي-ئىمارەت[يەشمىسى:] ئۆي ۋە ئىمارەت:[مىسال:] ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشى.