ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

17 ق 🔗

ق

قاباھەت

قاباھەتلىك

قابىل

قابىللىق

قابىلىيەت

قابىلىيەتسىز

قابىلىيەتسىزلىك

قابىلىيەتلىك

قاپ Ⅰ

قاپ تېشەر

قاپ ياردى

قاپⅡ

قاپارتقۇ

قاپارتما

قاپارتماق

قاپارماق

قاپاق Ⅰ

قاپاقⅡ

قاپىقىدىن قار ياغماق

قاپىقىدىن مۇز ياغماق

قاپىقىنىڭ زېيىنى ئالماق

قاپىقى ئۇششۇق

قاپاقلىق

قاپاقئوت

قاپاقياردى

قاپباش

قاپتال

قاپتاللىق

قاپتاللىماق

قاپچۇق

قاپچىغاي

قاپچىمال

قاپساتماق

قاپساشماق

قاپسالما

قاپسالماق

قاپسىماقⅠ

قاپسىماقⅡ

قاپقا

قاپقاق

قاپقاقلاتماق

قاپقاقلاشماق

قاپقاقلانماق

قاپقاقلىق

قاپقاقلىماق

قاپقان

قاپقان-تۇزاق

قاپقانچى

قاپقانچىلىق

قاپقانلىق

قاپقىلىق

قاپلاتماق

قاپلاشتۇرماق

قاپلاشماق

قاپلاڭغۇ

قاپلامپۇشقۇل

قاپلان

قاپلانماق

قاپلىق

قاپلىما

قاپلىماق

قاپىيە

قاپىيىداش

قاپىيىداشلىق

قاپىيىسىز

قاپىيىلەشتۈرمەك

قاپىيىلەشتۈرۈلمەك

قاپىيىلەشمەك

قاپىيىلىك

قات Ⅰ

قاتⅡ

قاتارⅠ

قاتارⅡ

قاتارⅢ

قاتاردا يوق

قاتارغا قوشماق

قاتار-قاتار

قاتارلاشتۇرماق

قاتارلاشماق

قاتارلاتماق

قاتارلىق

قاتارلىنىشماق

قاتارى

قاتارىدا

قاتاڭغۇر

قاتاڭغۇرلۇق

قاتتىق

قاتتىق تاڭلاي

قاتتىق تەگمەك

قاتتىق تۇتماق

قاتتىق سۆڭەك

قاتتىق قول

قاتتىق كۈن

قاتتىقچىلىق

قاتتىق-قۇرۇق

قاتتىقلاشتۇرماق

قاتتىقلاشماق

قاتتىقلىق

قاتتىق-يۇمشاق

قاتتىق-يىرىك

قاتراتماق

قاتراشماق

قاتراڭ

قاتراڭغۇ

قاتراڭغۇلۇق

قاترىماق

قات-قات

قاتقۇزماق

قات-قېتى

قاتقىلاق

قاتكۆك

قاتلاتماق

قاتلاشماق

قاتلاق

قاتلاقلىق

قاتلام

قاتلام-قاتلام

قاتلاملىق

قاتلاممۇقاتلام

قاتلانماق

قاتلىشاڭغۇ

قاتلىق

قاتلىما

قاتلىماق

قاتما Ⅰ

قاتماⅡ

قاتماقⅠ

قاتماقⅡ

قاتمال

قاتماللاشتۇرماق

قاتماللاشماق

قاتماللىق

قاتمۇقات

قاتناتماق

قاتناش

قاتناش-ترانسپورت

قاتناشتۇرماق

قاتناشتۇرۇشماق

قاتناشتۇرۇلماق

قاتناشقۇچى

قاتناشماقⅠ

قاتناشماقⅡ

قاتنىماق

قاتۇرما

قاتۇرماق

قاتۇرۇشماق

قاتۇرۇلماق

قاتىرىغا

قاتىل

قاتىلاڭ

قاتىلاڭچىلىق

قاتىللىق

قاچا

قاچار

قاچاق

قاچاقلىق

قاچا-قومۇچ

قاچا-قۇچا

قاچان

قاچانقى

قاچانلىكى

قاچانىكى

قاچ-قاچ

قاچقاق

قاچقاقلىق

قاچقۇن

قاچقۇنلۇق

قاچماق

قاچۇرماق

قاچۇرۇلماق

قاچىلاتماق

قاچىلاشماق

قاچىلانماق

قاچىلىماق

قادا

قاداتماق

قاداشماق

قاداق Ⅰ

قاداقⅡ

قاداقⅢ

قاداقⅣ

قاداقتاش

قاداقچى

قاداقچىلىق

قاداقلاشماق

قاداقلىقⅠ

قاداقلىقⅡ

قاداقلىقⅢ

قاداقلىقⅣ

قاداڭ

قاداڭشىماق

قادالماق

قادۇرغۇچ

قادىر

قادىغاللىماق

قادىلىشماق

قادىماق

قار

قار كۆچكۈنى

قاراⅠ

قارا

قارا باسماق

قارا تىزىملىك

قارا سانىماق

قارا قورساق

قارا قول

قارا نوپۇس

قارىغا كەتمەك

قارىسىنى ئۇشتۇماق

قاراتما

قاراتماق

قاراتمىلىق

قاراخان

قاراخانىيلار

قاراخانىيلار خانلىقى

قاراخانىيلار سۇلالىسى

قارار

قارارسىز

قارارسىزلىق

قارارگاھ

قارارلاشتۇرماق

قارارلاشتۇرۇشماق

قارارلاشتۇرۇلماق

قارارلاشماق

قارارلىق

قارارلىماق

قاراس

قاراسسىدە

قاراس-قۇرۇس

قاراسلاتماق

قاراسلاشماق

قاراسلىماق

قاراشتۇرماق

قاراشتۇرۇشماق

قاراشتۇرۇلماق

قاراشقۇ

قاراشلىق

قاراشماق

قاراغان

قاراق

قاراقالپاق

قاراقالپاقچە

قاراقچى

قاراقچىلىق

قاراقسىز

قاراقلىق

قارا-قويۇق

قارا-قۇرا

قاراڭغۇ

قاراڭغۇچىلىق

قاراڭغۇلاتماق

قاراڭغۇلاشتۇرماق

قاراڭغۇلاشماق

قاراڭغۇلۇق

قارال

قارالما

قارالماق

قارامⅠ

قارامⅡ

قارامتۇل

قارامتۇللاشماق

قارامتۇللۇق

قاراملارچە

قاراملىق

قارانچۇق

قارانچۇقسىز

قارانچۇقلۇق

قاراۋۇل

قاراۋۇلخانا

قاراۋۇلسىز

قاراۋۇللۇق

قارايتماق

قارايماق

قارتⅠ

قارتⅡ

قارتاⅠ

قارتاⅡ

قارتتىدە

قارتىچى

قارچىغا

قارچىغىسىمان

قارچىغىلىق

قارس

قارساق

قارسسىدە

قارس-قۇرس

قارسىلداتماق

قارسىلدىماق

قارشى

قارشىلاشتۇرماق

قارشىلاشماق

قارشىلىق

قارشىلىقسىز

قارشىلىقلىق

قار-شىۋىرغان

قار-شىۋىرغانلىق

قارغاتماق

قارغاشماق

قارغالماق

قارغىش

قارغىش تەگكۈر

قارغىش قېپى

قارغىشچى

قارغىشخور

قارغىماق

قار-قات

قارلەيلىسى

قارلۇق

قارلىغاچ

قارلىغاچسىمان

قارلىق Ⅰ

قارلىقⅡ

قارماق

قارماقلىق

قارماقلىماق

قار-مۇز

قار-مۇزلۇق

قارنى-كۆكس

قارۇغباشى

قارۇغچى

قارۇنا

قارىپايىم

قارىپايىملىق

قارىتا

قارىتەلپەك

قارىتۈرۈك

قارىتىشماق

قارىتىلماق

قارىچاي

قارىچايىر

قارىچۇق

قارىچىلان

قارىخەت

قارىداتماق

قارىداشماق

قارىدالماق

قارىدان

قارىدىماق

قارىسان

قارىسىغا

قارىغان

قارىغاندا

قارىغاي

قارىغايزار

قارىغايزارلىق

قارىغايلىق

قارىغۇ

قارىغۇنى ياردا قىستىماق

قارىغۇجا

قارىغۇسىز

قارىغۇلارچە

قارىغۇلۇق

قارىقات

قارىقاش

قارىقوتۇر

قارىقوغۇر

قارىقۇش

قارىقۇشقاچ

قارىقۇمچاق

قارىقۇيرۇق

قارىكۆزەل

قارىكۆسەي

قارىكۈيە

قارىگۈل

قارىلاشماق

قارىلاق

قارىلانغۇچى

قارىلانماق

قارىلىغۇچى

قارىلىق Ⅰ

قارىلىقⅡ

قارىلىماقⅠ

قارىلىماقⅡ

قارىماتاق

قارىماستىن

قارىماق

قارىماققا

قارىماي

قارىمايلىق

قارىمۇتۇق

قارىمۇچ

قارىمۇقⅠ

قارىمۇقⅡ

قارىمۇقارشى

قارىمۇقارشىلىق

قارىنباغ

قارىئۆرۈك

قارىئۆڭكۈر

قارىۋاستى

قارىۋاي

قارىئېجىرىق

قارىي

قارىياغاچ

قارىياغاچلىق

قارىياڭاق

قارىيچىلاپ

قارىيخانا

قارىيلىق

قار-يامغۇر

قازا

قازارا

قازاق

قازاقچە

قازالىماق

قازان

قازىنىغا توپا چاچماق

قازانچاق

قازانچى

قازانچىلىق

قازانخانا

قازاندۇرماق

قازانلىق

قازان-قومۇچ

قازانماق

قازانيۇغۇچ

قازايىقەدەر

قازدۇرماق

قازما

قازماق

قازمىچىلىق

قازناق

قازى

قازىخانا

قازى-قۇززات

قازىكالان

قازىلىق

قازىنىشماق

قازىنىلماق

قاس

قاساتماقⅠ

قاساتماقⅡ

قاساشماقⅠ

قاساشماقⅡ

قاساق

قاساقلىق

قاسالماق

قاسساپ

قاسساپچىلىق

قاسساپخانا

قاسساپلىق

قاسسىدە

قاس-قاس

قاسقان

قاسقانلىق

قاس-قۇس

قاسماق

قاسماقلاشماق

قاسناق

قاسناقلىق

قاسىراق

قاسىراقچە

قاسىراقسىز

قاسىراقلىق

قاسىر-قۇسۇر

قاسىرماق

قاسىلداتماق

قاسىلداشماق

قاسىلدىماق

قاسىماقⅠ

قاسىماقⅡ

قاشⅠ

قاش قارايماق

قاشⅡ

قاشⅢ

قاشا (قاشاسى)

قاشارتماق

قاشارتىلماق

قاشارماق

قاشاق

قاشاڭⅠ

قاشاڭⅡ

قاشاڭلاشتۇرماق

قاشاڭلاشتۇرۇلماق

قاشاڭلاشماق

قاشاڭلىق

قاشالاتماق

قاشالاشماق

قاشالانماق

قاشالىق

قاشالىماق

قاشتاش

قاشتاشچى

قاشتاشسىمان

قاششاق

قاششاقلاشتۇرماق

قاششاقلاشتۇرۇشماق

قاششاقلاشتۇرۇلماق

قاششاقلاشماق

قاششاقلىق

قاشقا

قاش-قاپاق

قاشقالداق

قاشقۇنچۇق

قاشقەلەم

قاشقىر

قاشقىلىق

قاشقىئوغلاق

قاش-كۆز

قاش-كىرپىك

قاشلاتماق

قاشلاشماق

قاشلانماق

قاشلىغۇچ

قاشلىق

قاشلىقئوت

قاشلىماقⅠ

قاشلىماقⅡ

قاغا

قاغا پوق يېمەستە

قاغا پۇتى

قاغا-قۇزغۇن

قاغان

قاغجال

قاغجىراشماق

قاغجىراق

قاغجىرىماق

قاغدال

قاغدالما

قاغدالماق

قاغدالمىلاشماق

قاغدالمىلىق

قاغىتۇمشۇق

قاغىتىرناق

قاغىقامغىقى

قاقⅠ

قاق پودا

قاقⅡ

قاقⅢ

قاقⅣ

قاقاچ

قاقاس

قاقاسچىلىق

قاقاسلاشتۇرماق

قاقاسلاشماق

قاقاسلىق

قاقاق

قاقاقلاتماق

قاقاقلاشماق

قاقاقلىماق

قاقتۇرماق

قاقتۇرۇشماق

قاقتۇرۇلماق

قاقتى-سوقتى

قاقشاتقۇچ

قاقشاتماق

قاقشاشماق

قاقشال

قاقشاللاشماق

قاقشاللىق

قاقشىماق

قاق-قاق

قاق-قۇق

قاقلاتماق

قاقلاشماق

قاقلانماق

قاقلىما

قاقلىماق

قاقما

قاقماق

قاقۋاش

قاقۋاشلىق

قاقىر

قاقىرام

قاقىرتۇمشۇق

قاقىلە

قاقىلداتماق

قاقىلداشماق

قاقىلدىماق

قاڭالتىر

قاڭالتىرچى

قاڭالتىرچىلىق

قاڭالتىرلاتماق

قاڭالتىرلاشماق

قاڭالتىرلانماق

قاڭالتىرلىق

قاڭالتىرلىماق

قاڭتايتماق

قاڭتايماق

قاڭتۇرغۇزماق

قاڭتۇرماق

قاڭتۇرۇشماق

قاڭتۇرۇق

قاڭتۇرۇقلۇق

قاڭتۇرۇلماق

قاڭرۇق

قاڭرۇقلۇق

قاڭسىتماق

قاڭسىق

قاڭسىماق

قاڭشار

قاڭشارلىق

قاڭغۇر

قاڭغىر

قاڭقىتماق

قاڭقىرا

قاڭقىرىماق

قاڭقىغاق

قاڭقىل

قاڭقىماق

قالاتماق

قالاشماق

قالاقⅠ

قالاقⅡ

قالاقⅢ

قالاقلاشتۇرماق

قالاقلاشماق

قالاقلىق

قالام

قالانماق

قالايمىقان

قالايمىقانچىلىق

قالايمىقانلاشتۇرغۇچى

قالايمىقانلاشتۇرۇشماق

قالايمىقانلاشتۇرماق

قالايمىقانلاشتۇرۇلماق

قالايمىقانلاشماق

قالايمىقانلىق

قالپاق

قالپاقچى

قالپاقسىمان

قالپاقلاشماق

قالپاقلىق

قالتار

قالتىس

قالتىسلىق

قالجاق

قالدۇرماق

قالدۇرۇشماق

قالدۇرۇق

قالدۇرۇلماق

قالدۇق

قالدۇقسىز

قالدۇقلۇق

قالدى

قالدىراق

قالدى-قاتتى

قالغان-قاتقان

قالغايتا

قالقا

قالقانⅠ

قالقانⅡ

قالقانسىز

قالقانسىمان

قالقانگۈل

قالقانلىق

قالماقⅠ

قالماقⅡ

قالۇن

قالۇنچى

قالىق

قالىماق

قاما

قاماتماقⅠ

قاماتماقⅡ

قاماشتۇرماق

قاماشماقⅠ

قاماشماقⅡ

قاماق

قاماقخانا

قاماقلىق

قامال

قاماللاتماق

قاماللاشماق

قاماللانماق

قاماللىماق

قامالماق

قامان

قامەت

قامەتلىك

قامچا

قامچىسىدىن قان تامماق

قامچىسىغا تۈكۈرمەك

قامچىسىز

قامچىسىمان

قامچىگۈل

قامچىلاتماق

قامچىلاشماق

قامچىلانماق

قامچىلىق

قامچىلىماق

قامچىئوت

قامداتماق

قامداشماق

قامدالماق

قامدىماق

قامغاق

قامغاقلىق

قاملاشتۇرماق

قاملاشتۇرۇشماق

قاملاشقان

قاملاشماق

قاملاشمىغان

قامۇس

قامۇسچى

قامۇسلۇق

قامىماقⅠ

قامىماقⅡ

قان

قان ئاققۇزماق

قان بولۇشۇپ كەتمەك

قان چىچار

قان شورىماق

قان ئىچەر

قان ئىچمەك

قان يۇتماق

قېنى قىزىق

قانائەت

قانائەتچان

قانائەتچانلىق

قانائەتسىز

قانائەتسىزلىك

قانائەتلەندۈرەرلىك

قانائەتلەندۈرمەك

قانائەتلەندۈرۈلمەك

قانائەتلەنمەك

قانائەتلىك

قانائەتلىنەرلىك

قانائەتلىنىشمەك

قانات

قانات ئاستىغا ئالماق

قانات سۆرىمەك

قانات ياپماق

قانات يايماق

قانىتى سۇنماق

قانىتى سۇنۇق

قانىتىغا قىسماق

قانىتى قايرىلماق

قاناتسىز

قاناتسىزلىق

قاناتسىمان

قانات-قۇيرۇق

قاناتلاندۇرماق

قاناتلاندۇرۇلماق

قاناتلانماق

قاناتلىق

قاناتماق

قاناشماق

قانال

قان-تەر

قانتېپەر

قانجۇق

قانچە

قانچە-قانچە

قانچە-قانچىلاپ

قانچەيلەن

قانچىچە

قانچىكى

قانچىلاپ

قانچىلىغان

قانچىلىك

قانچىنچى

قانخور

قانخورلۇق

قانداش

قانداشلىق

قانداق

قانداقتۇر

قانداقچە

قانداقچىسىغا

قانداقلارچە

قانداقلىكى

قانداقمۇ

قاندۇرماق

قاندۇرۇشماق

قاندۇرۇلماق

قاندىقىسىغا

قاندىماق

قان-زەرداب

قانسىراتماق

قانسىراشماق

قانسىرىماق

قانسىز

قانسىزلىق

قان-قان

قان-قېنىغا سېڭىپ كەتمەك

قانلىق

قانماق

قانۇن

قانۇن-پەرمان

قانۇن-تۈزۈم

قانۇنچە

قانۇنچى

قانۇنچىلىق

قانۇنسىز

قانۇنسىزلارچە

قانۇنسىزلىق

قانۇنشۇناس

قانۇنشۇناسلىق

قانۇنلاشتۇرماق

قانۇنلاشتۇرۇشماق

قانۇنلاشتۇرۇلماق

قانۇنلاشماق

قانۇنلۇق

قانۇن-نىزام

قانۇن-ئىنتىزام

قانۇنىي

قانۇنىيەت

قانۇنىيەتلىك

قانۇنىيلىق

قانۇن-ياساق

قانىسە

قانىغاق

قانىماق

قان-ياش

قان-يىرىڭ

قاۋاتماق

قاۋاشماق

قاۋاقⅠ

قاۋاقⅡ

قاۋاقخانا

قاۋاماش

قاۋان

قاۋانلىق

قاۋشىماق

قاۋ-قاۋ

قاۋۇل

قاۋۇللۇق

قاۋىماق

قائىدە

قائىدە-تۈزۈم

قائىدە-يوسۇن

قائىدە-يوسۇنلۇق

قائىدىسىز

قائىدىسىزلىق

قائىدىلەشتۈرمەك

قائىدىلەشتۈرۈلمەك

قائىدىلەشمەك

قائىدىلىك

قاي

قاياش

قاياق

قايان

قايتا

قايتا-قايتا

قايتما

قايتماس

قايتماسلىق

قايتماق

قايتۇرغۇچ

قايتۇرما

قايتۇرماق

قايتۇرۇشچانلىق

قايتۇرۇشماق

قايتۇرۇلماق

قايتىدىن

قايتىشچانلىق

قايتىشماق

قايتىلاتماق

قايتىلاشماق

قايتىلانما

قايتىلانماق

قايتىلىما

قايتىلىماق

قايتىۋاشتىن

قايچا

قايچىسىمان

قايچىقۇدا

قايچىلاتماق

قايچىلاش

قايچىلاشتۇرماق

قايچىلاشتۇرۇلماق

قايچىلاشماق

قايچىلانما

قايچىلانماق

قايچىلىق

قايچىلىما

قايچىلىماق

قايدا

قايدۇرماق

قايدۇرۇشماق

قايدۇرۇلماق

قايراق

قايرىتماق

قايرىشتۇرماق

قايرىشماق

قايرىلما

قايرىلماق

قايرىلىشماق

قايرىما

قايرىماق

قايسى

قايسىبىر

قايسىكى

قايغۇ

قايغۇ-ئەلەم

قايغۇرتماق

قايغۇرماق

قايغۇرۇشماق

قايغۇ-زار

قايغۇسىز

قايغۇسىزلىق

قايغۇلۇق

قايغۇ-ھەسرەت

قايماقⅠ

قايماقⅡ

قايماقسىز

قايماقلىق

قايمال

قايمۇقتۇرماق

قايمۇقتۇرۇلماق

قايمۇقماق

قايمۇقۇشماق

قايناتما

قايناتماق

قايناتسا شورپىسى قوشۇلمايدىغان

قايناش

قايناشماق

قايناق

قاينام

قاينام-تاشقىن

قاينام-تاشقىنلىق

قايناملىق

قاينىتىلما

قاينىتىلماق

قاينىماق

قايىل

قايىللىق

قەبرە

قەبرىچىلىك

قەبرىستان

قەبرىستانلىق

قەبرىگاھ

قەبرىگاھلىق

قەبىلە

قەبىلىچىلىك

قەبىلىلىك

قەبىلىۋاز

قەبىلىۋازلىق

قەبىلىۋى

قەبىھ

قەبىھلەشتۈرمەك

قەبىھلەشمەك

قەبىھلىك

قەپەس

قەپەسئوت

قەپەسسىمان

قەپىزەك

قەترە

قەتل

قەتلە

قەتلىئام

قەتئىي

قەتئىيەت

قەتئىيەتسىز

قەتئىيەتسىزلىك

قەتئىيەتلىك

قەتئىيلەشتۈرمەك

قەتئىيلەشتۈرۈشمەك

قەتئىيلەشتۈرۈلمەك

قەتئىيلەشمەك

قەتئىيلىك

قەتئىينەزەر

قەد (قەددى)

قەد كۆتۈرمەك

قەدەر

قەدەم

قەدەم تەشرىپ قىلماق

قەدەمدە

قەدەمدە بىر

قەدەمگاھ

قەدەملەپ

قەدەملەتمەك

قەدەملەشمەك

قەدەملىك

قەدەملىمەك

قەدەممۇقەدەم

قەدەھ

قەددى-قامەت

قەددى-قامەتلىك

قەدىر

قەدىر كېچىسى

قەدىردان

قەدىردانلارچە

قەدىردانلىق

قەدىرسىز

قەدىرسىزلەنمەك

قەدىرسىزلىك

قەدىر-قىممەت

قەدىرلەشمەك

قەدىرلەنمەك

قەدىرلىك

قەدىرلىمەك

قەدىم

قەدىمچە

قەدىمدىن

قەدىمكى

قەدىمىي

قەدىمىيلىك

قەدىناس

قەدىناسلىق

قەر (قەرى)

قەرەل

قەرەلسىز

قەرەللىك

قەرز

قەرزدار

قەرزدارلىق

قەرنە

قەسەم

قەسەمخور

قەسەمخورلۇق

قەسەمنامە

قەسەمياد

قەست

قەستەن

قەستەنلىك

قەستلەشمەك

قەستلەنمەك

قەستلىك

قەستلىمەك

قەسىدە

قەسىدىچى

قەسىدىچىلىك

قەسىدىخان

قەسىدىخانلىق

قەسىر

قەغەز

قەغەزچىلىك

قەغەز-قەلەم

قەغەزۋاز

قەغەزۋازلىق

قەقنۇس

قەلئە

قەلەم

قەلەم ئەھلى

قەلەمپۇر

قەلەمتىراچ

قەلەمچە

قەلەمدار

قەلەمداش

قەلەمداشلىق

قەلەمدان

قەلەمكەش

قەلەمكەشلىك

قەلەملىك

قەلەندەر

قەلەندەرچە

قەلەندەرچىلىك

قەلەندەرخانا

قەلەندەرلەرچە

قەلەندەرلىك

قەلەي

قەلەيچى

قەلەيچىلىك

قەلەيلەتمەك

قەلەيلەشمەك

قەلەيلەنمەك

قەلەيلىك

قەلەيلىمەك

قەلب

قەلبەن

قەلبداش

قەلبداشلىق

قەلبگاھ

قەلقە

قەللاب

قەللابلىق

قەللە

قەلىمىي

قەلىيە

قەمەر

قەمەرىيە

قەنت

قەنتدان

قەنت-گېزەك

قەنت-ناۋات

قەندالەت

قەندالەتچى

قەندالەتچىلىك

قەندىل

قەندىلچى

قەندىلچىلىك

قەھەت

قەھەتچىلىك

قەھر

قەھر-زەھىرى

قەھر-غەزەپ

قەھرلەنمەك

قەھرلىك

قەھرىتان

قەھرىمان

قەھرىمانانە

قەھرىمانلارچە

قەھرىمانلىق

قەھۋە

قەھۋەخانا

قەۋەتⅠ

قەۋەتⅡ

قەۋەت-قەۋەت

قەۋەتلەپ

قەۋەتلەتمەك

قەۋەتلەشمەك

قەۋەتلەنمەك

قەۋەتلىك

قەۋەتلىمەك

قەۋەتمۇقەۋەت

قەۋزىيەت

قەۋس

قەي

قەيەر

قەيەرلىك

قەيت

قەيسەر

قەيسەرانە

قەيسەرلەشتۈرمەك

قەيسەرلەشمەك

قەيسەرلىك

قوبۇل

قوبۇل قىلماق

قوبۇلخانا

قوبۇللاتماق

قوبۇللانماق

قوبۇللىماق

قوپال

قوپاللاشتۇرماق

قوپاللاشماق

قوپاللىق

قوپتۇرماق

قوپتۇرۇلماق

قوپماق

قوپۇرغۇ

قوپۇرماق

قوپۇرۇشماق

قوپۇرۇلماق

قوپۇشماق

قوتاز

قوتازچى

قوتازچىلىق

قوتان Ⅰ

قوتانⅡ

قوتانتۇمشۇق

قوتان-قوتان

قوتانلاپ

قوتانلانماق

قوتانلىماق

قوتۇر Ⅰ

قوتۇرⅡ

قوتۇرلاشتۇرماق

قوتۇرلاشماق

قوتۇرماچ

قوچقار

قوچقارچى

قوچقىراق

قوچۇتماق

قوچۇرا

قوچۇشماق

قوچۇلماق

قوچۇماق

قوختا

قوداڭشىتماق

قوداڭشىماق

قوداي

قورال (قورالى)

قورال-جابدۇق

قورال-سايمان

قورالسىز

قورالسىزلاندۇرماق

قورالسىزلاندۇرۇشماق

قورالسىزلاندۇرۇلماق

قورالسىزلانماق

قورالسىزلىق

قوراللاندۇرماق

قوراللاندۇرۇشماق

قوراللاندۇرۇلماق

قوراللانماق

قوراللىق

قورال-ياراغ

قورام

قورامداتماق

قورامدالماق

قورامدىماق

قورامساق

قوراملىق

قوراي

قورايچى

قورايچىلىق

قورايلىق

قورچاق Ⅰ

قورچاقⅡ

قورچاقⅢ

قورچاققول

قورچاقلىق

قورداق

قورساق

قورساق باقماق

قورساق بوشاتماق

قورساقتا قالماق

قورساق كۆپمەك

قورساق كۆپۈكى

قورساق كۆتۈرمەك

قورساقنى ئەستەرلىمەك

قورسىقىدا توڭگۇز قاترايدىغان

قورسىقىدا چوت سوقماق

قورسىقىدا گەپ ياتمايدىغان

قورسىقىدا ئۇمىچى بار

قورسىقىغا كىرىپ چىقماق

قورساقلىق

قورشاتماق

قورشاشماق

قورشالماق

قورشاۋ

قورشىماق

قورغان

قورغانلىق

قورققاق

قورققاقلىق

قورقماس

قورقماسلىق

قورقماق

قورقۇتماق

قورقۇشماق

قورقۇمسىرىماق

قورقۇمسىز

قورقۇمسىزلىق

قورقۇنچ

قورقۇنچاق

قورقۇنچاقلىق

قورقۇنچلۇق

قورما

قورمال

قورماللىق

قورۇ

قورۇتماقⅠ

قورۇتماقⅡ

قورۇتماقⅢ

قورۇ-جاي

قورۇداش

قورۇشماقⅠ

قورۇشماقⅡ

قورۇشماقⅢ

قورۇق Ⅰ

قورۇقⅡ

قورۇقچى

قورۇقچىلىق

قورۇقسىزⅠ

قورۇقسىزⅡ

قورۇقلاتماق

قورۇقلۇقⅠ

قورۇقلۇقⅡ

قورۇقلىماق

قورۇل

قورۇلتاز

قورۇلگاھ

قورۇلماقⅠ

قورۇلماقⅡ

قورۇمⅠ

قورۇمⅡ

قورۇما

قورۇماقⅠ

قورۇماقⅡ

قورۇماقⅢ

قورۇنماق

قوزا

قوزا چۈش

قوزىنى پوزا قىلماق

قوزام

قوزا-ئوغلاق

قوزغاتقۇچ

قوزغاتقۇچى

قوزغاتماق

قوزغاشماق

قوزغالما

قوزغالماس

قوزغالماق

قوزغىلاڭ

قوزغىلاڭچى

قوزغىلىشچان

قوزغىلىشچانلىق

قوزغىماق

قوزۇق

قوزۇقلۇق

قوزۇقۋاغ

قوزىچاق

قوزىقۇلاق

قوزىلاتماق

قوزىلىق

قوزىلىماق

قوزىۋاي

قوشⅠ

قوش تىرناق

قوش چىكىت

قوش يۆتەل

قوشⅡ

قوش چىقماق

قوشⅢ

قوشⅣ

قوشئاتار

قوشاق Ⅰ

قوشاقⅡ

قوشاقچى

قوشاقچىلىق

قوشاقداتماق

قوشاقداشماق

قوشاقدالماق

قوشاقدىماق

قوشام

قوش-جابدۇق

قوشچى

قوش-قوش

قوش-قوشلاپ

قوشقۇچى

قوشكېزەك

قوشلاپ

قوشلاپ-قوشلاپ

قوشلاق

قوشلىماق

قوشما

قوشماقⅠ

قوشماقⅡ

قوشنا

قوشنا-قولۇم

قوشنىچىلىق

قوشنىدارچىلىق

قوشنىلىق

قوشۇش

قوشۇشماق

قوشۇقⅠ

قوشۇقⅡ

قوشۇقچى

قوشۇقچىلىق

قوشۇقسىمان

قوشۇقلاپ

قوشۇقلۇقⅠ

قوشۇقلۇقⅡ

قوشۇقلىماق

قوشۇلغۇچى

قوشۇلما

قوشۇلماق

قوشۇلۇشماق

قوشۇما

قوشۇمچە

قوشۇمچىسىز

قوشۇمچىلىق

قوشۇمچىلىماق

قوشۇن

قوشۇۋا

قوغ

قوغاچاي

قوغداتماق

قوغداشماق

قوغدالماق

قوغدانماق

قوغدىغۇچى

قوغدىماق

قوغدىنىش

قوغلاتماق

قوغلاشماق

قوغلاندى

قوغلانماق

قوغلىغۇچى

قوغلىما

قوغلىماق

قوغۇشۇن

قوغۇشۇنلۇق

قوغۇن

قوغۇن-تاۋۇز

قوغۇنچى

قوغۇنچىلىق

قوغۇن-قاپاق

قوغۇنگۈل

قوغۇنلۇق

قوقاس

قوقاق

قوقىقى تۇتماق

قوقىقى قورۇماق

قوقاقلىق

قوقۇناق

قوقانگۈل

قوڭ

قوڭى بوش

قوڭى پوق

قوڭى چىڭ

قوڭىنى قويالماي قالماق

قوڭىنى كوچىلىماق

قوڭالتاق

قوڭچى

قوڭغۇراق

قوڭغۇراقتىكەن

قوڭغۇراقچى

قوڭغۇراقسىمان

قوڭغۇراقگۈل

قوڭغۇراقلىق

قوڭغۇراقۋاش

قوڭغۇز

قوڭقا

قوڭۇر

قوڭىيوغان

قول

قول باغلاشماق

قول تارتماق

قول تەگكۈزمەك

قول تۇتماق

قول تىقماق

قولغا تۈكۈرمەك

قولغا قول، پۇتقا پۇت بولماق

قولغا يېقىن

قولنى چىشلەپ قالماق

قولنىڭ كىرى

قولنىڭ ئۇچىدا

قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەسلىك

قولى قىچىشماق

قولى قىسقا

قولى كەڭ

قولى كەلمەك

قولىنى يۇماق

قولى ئوچۇق

قولى ئۇزارماق

قولى ئۇزۇن

قولى ئىچىگە ئېگىلمەك

قولاشماق

قول-ئاياغ

قول-باش

قولباشچى

قول-پۇت

قولتارتقۇ

قولتۇق

قولتۇقىدىن تاۋۇزى چۈشۈپ كەتمەك

قولتۇقىغا كىرىۋالماق

قولتۇقتاياق

قولتۇقلاتماق

قولتۇقلاشماق

قولتۇقلانماق

قولتۇقلىماق

قولچوماق

قولچوماقچىلىق

قولچىراغ

قولداش

قولداشلىق

قولداما

قولقا

قولقاپ

قولقاپلىق

قول-قانات

قول-قولچە

قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەك

قوللاشماق

قوللانما

قوللانماق

قوللۇق

قوللىماق

قوللىنىلماق

قولمۇقول

قولۇم-قوشنا

قولۋاق

قولۋاقچى

قولۋاقچىلىق

قولىچە

قول-ئىلىك

قول-ئىلكىدە بار

قول-ئىلكىدە يوق

قوليازما

قولياغلىق

قوماچ

قوماندان

قوماندانلىق

قومدۇ

قومۇرتماق

قومۇرماق

قومۇرۇشماق

قومۇرۇلماق

قومۇش

قومۇشچىلىق

قومۇشزار

قومۇشزارلىق

قومۇشسىز

قومۇشلۇق

قوناقⅠ

قوناقⅡ

قوناقگۈل

قوناقلىق

قونالغۇ

قونالغۇلۇق

قونچ

قونچلۇق

قونداق

قونداقلىق

قوندۇرماق

قوندۇرۇشماق

قوندۇرۇلماق

قونغاق

قونغاقلىماق

قونماق

قونۇشماق

قونۇقلۇق

قوۋزاق

قوۋزاقدارچىن

قوۋزاقلاشماق

قوۋزاقلىق

قوۋم

قوۋم-قېرىنداش

قوۋم-قېرىنداشلىق

قوۋناق

قوۋناقلىق

قوۋۇرغا

قوۋۇرغىسى كۆرۈنۈپ قالماق

قوۋۇرغىسىنى ئەگمەك

قوۋۇرغىسىز

قوۋۇرغىلىق

قوۋۇزⅠ

قوۋۇزىنى كۆپتۈرمەك

قوۋۇزⅡ

قوۋۇزچى

قوۋۇشتۇرماق

قوۋۇشتۇرۇلماق

قوۋۇشماق

قوۋۇق

قوۋۇقچى

قوۋۇقلۇق

قوي

قويانجىن

قويچى

قويچىلىق

قويدۇرماق

قويكۆز

قويما

قويماق

قويمىچى

قويۇشماق

قويۇق

قويۇقئاش

قويۇق-سۇيۇق

قويۇقلاتقۇچ

قويۇقلاتماق

قويۇقلاشتۇرماق

قويۇقلاشتۇرۇلماق

قويۇقلاشماق

قويۇقلاندۇرماق

قويۇقلانماق

قويۇقلۇقⅠ

قويۇقلۇقⅡ

قويۇقلىماق

قويۇلدۇرماق

قويۇلماقⅠ

قويۇلماقⅡ

قويۇم

قويۇن

قوي-ئۆچكە

قويۇۋەتمەك

قۇببە

قۇببىچە

قۇببىلىك

قۇت

قۇتا

قۇتاتماق

قۇتچىلىق

قۇتراتقۇ

قۇتراتقۇچى

قۇتراتقۇلۇق

قۇتراتماق

قۇتراشماق

قۇترىماق

قۇتقۇزماق

قۇتقۇزۇشماق

قۇتقۇزۇلماق

قۇتلاشماق

قۇتلانماق

قۇتلۇق

قۇتلۇقگۈل

قۇتلۇقلاشماق

قۇتلۇقلانماق

قۇتلۇقلىماق

قۇتلىماق

قۇتۇپ

قۇتۇپيۇلتۇز

قۇتۇپچانلىق

قۇتۇپسىز

قۇتۇپلاندۇرماق

قۇتۇپلاندۇرۇشماق

قۇتۇپلاندۇرۇلماق

قۇتۇپلانماق

قۇتۇپلۇق

قۇتۇپلىنىش

قۇتۇلدۇرماق

قۇتۇلدۇرۇلماق

قۇتۇلغۇسىز

قۇتۇلماق

قۇتۇلۇشماق

قۇتىچە

قۇتىماق

قۇچاق

قۇچاق-قۇچاق

قۇچاقلاتماق

قۇچاقلاشما

قۇچاقلاشماق

قۇچاقلانماق

قۇچاقلىماق

قۇچتۇرماق

قۇچماق

قۇدا

قۇدا-باجا

قۇدا-باجىلىق

قۇدرەت

قۇدرەتسىز

قۇدرەتسىزلىك

قۇدرەتلەنمەك

قۇدرەتلىك

قۇدۇق

قۇدىچىلىق

قۇدىدارچىلىق

قۇدىلاشماق

قۇدىلىق

قۇر Ⅰ

قۇر

قۇرⅢ

قۇراشتۇرغۇزماق

قۇراشتۇرما

قۇراشتۇرماق

قۇراشتۇرۇشماق

قۇراشتۇرۇلما

قۇراشتۇرۇلماق

قۇراشما

قۇراقⅠ

قۇراقⅡ

قۇراقچى

قۇراقلىماق

قۇرام

قۇراملىق

قۇرئان

قۇرئە

قۇرئەنداز

قۇرب

قۇربان

قۇربان ھېيت

قۇربانسىز

قۇربانلىق

قۇربېشى

قۇربېگى

قۇرت

قۇرتقا

قۇرت-قوڭغۇز

قۇرت-قۇمۇرلۇق

قۇرتلاتماق

قۇرتلۇق

قۇرتلىماق

قۇرتئوت

قۇرخانا

قۇرداش

قۇرداشلىق

قۇرغاق

قۇرغاقچىلىق

قۇرغاقلاشتۇرماق

قۇرغاقلاشماق

قۇرغاقلىق

قۇرغۇر

قۇرغۇزماق

قۇرغۇن

قۇرغۇنلۇق

قۇرغۇي

قۇرغۇيەك

قۇرلانماق

قۇرلىماق

قۇرماⅠ

قۇرماⅡ

قۇرماق

قۇرمۇقۇر

قۇرۇت

قۇرۇتچى

قۇرۇتقا

قۇرۇتماق

قۇرۇتۇلماق

قۇرۇشماق

قۇرۇق

قۇرۇق ئەمچەك سالماق

قۇرۇقتىن-قۇرۇق

قۇرۇقچىلىق

قۇرۇقداتماق

قۇرۇقداشماق

قۇرۇقدالماق

قۇرۇقدىماق

قۇرۇقشىمال

قۇرۇقلۇقⅠ

قۇرۇقلۇقⅡ

قۇرۇلتاي

قۇرۇلما

قۇرۇلماق

قۇرۇلمىچىلىق

قۇرۇلمىشۇناس

قۇرۇلمىلىق

قۇرۇلۇش

قۇرۇم

قۇرۇماق

قۇرۇمداشماق

قۇرۇمدالماق

قۇرۇمدىماق

قۇرۇملۇق

قۇرىماق

قۇز

قۇززات

قۇزغۇن

قۇستە

قۇستۇرغۇچ

قۇستۇرماق

قۇستۇرۇلماق

قۇسماق

قۇسۇر

قۇسۇرچى

قۇسۇرسىز

قۇسۇشماق

قۇسۇق

قۇش

قۇشبېگى

قۇشچى

قۇشچىلىق

قۇشخانا

قۇشقاچ

قۇشقاچتىل

قۇشقونماس

قۇشقۇن

قۇشقۇنغا ئولتۇرماق

قۇشلاتماق

قۇشلاشماق

قۇشلانماق

قۇشلىماق

قۇشناچ

قۇل

قۇلا

قۇلاق

قۇلاق ئاغرىتماق

قۇلاق كەستى

قۇلاقنى يوپۇرماق

قۇلىقى دىڭ

قۇلىقى قىزىماق

قۇلىقى ئۇزۇن

قۇلىقى يۇمشاق

قۇلاقچا

قۇلاقچۆپ

قۇلاقچېچەك

قۇلاقچىلىق

قۇلاقلاشماق

قۇلاقلىق

قۇلاق-مېڭە

قۇلاقۋاغ

قۇلان

قۇلانلىق

قۇلاي

قۇلايسىز

قۇلايسىزلىق

قۇلايلاشتۇرماق

قۇلايلاشماق

قۇلايلىق

قۇلپۇرۇش

قۇلچاق

قۇلچىلىق

قۇلدار

قۇلدارلىق

قۇللاپ

قۇللارچە

قۇللاشتۇرماق

قۇللۇق

قۇلماق

قۇلماقلىق

قۇلۇبناي

قۇلۇپ

قۇلۇپساز

قۇلۇپسازلىق

قۇلۇپلاتماق

قۇلۇپلاشماق

قۇلۇپلاقلىق

قۇلۇپلانماق

قۇلۇپلۇق

قۇلۇپلىماق

قۇلۇلە

قۇلۇلىخور

قۇلۇلىسىمان

قۇلۇن

قۇلۇنچاق

قۇلۇنچى

قۇلۇنلاتماق

قۇلۇنلۇق

قۇلۇنلىماق

قۇلىقەت

قۇم

قۇم تەللە

قۇم توۋرىسى

قۇما

قۇماق

قۇماقلىق

قۇماي

قۇم-بوران

قۇمچاق

قۇمداتماق

قۇمداشماق

قۇمدالماق

قۇمدىماق

قۇمساز

قۇمساق

قۇمساڭ

قۇمساڭغۇ

قۇمسىرىماق

قۇمغان

قۇمقۇرتى

قۇملاشماق

قۇملۇق

قۇممەت

قۇمۇل ۋاڭلىرى مەخبەرەتلىكى

قۇمىق

قۇمىلاق

قۇمىلاقچى

قۇنتلاپ

قۇندۇز

قۇندۇزلەش

قۇندۇزئوت

قۇنۇن

قۇۋⅠ

قۇۋⅡ

قۇۋⅢ

قۇۋانچ

قۇۋانچلىق

قۇۋاندۇرماق

قۇۋانماق

قۇۋ-چۇۋ

قۇۋلاشتۇرماق

قۇۋلاشماق

قۇۋلۇق

قۇۋلۇق-شۇملۇق

قۇۋناق

قۇۋناقلىق

قۇۋۇرماق

قۇۋۋەت

قۇۋۋەتسىز

قۇۋۋەتسىزلەندۈرمەك

قۇۋۋەتسىزلەندۈرۈلمەك

قۇۋۋەتسىزلەنمەك

قۇۋۋەتسىزلىك

قۇۋۋەتلەشمەك

قۇۋۋەتلەندۈرمەك

قۇۋۋەتلەنمەك

قۇۋۋەتلىك

قۇۋۋەتلىمەك

قۇياش

قۇياشسىز

قۇياشلىق

قۇياق

قۇياقلىق

قۇيت

قۇيدۇرماق

قۇيرۇق

قۇيرۇق تۇتقۇزماسلىق

قۇيرۇق شىپپاڭلاتماق

قۇيرۇقىنى تالىماق

قۇيرۇقىنى تىكىۋەتمەك

قۇيرۇقىنى چىشلىمەك

قۇيرۇقىنى قۇم باسماق

قۇيرۇقىنى قىسماق

قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈۋالماق

قۇيرۇقچى

قۇيرۇقچىلىق

قۇيرۇقسىز

قۇيرۇقسىمان

قۇيرۇقلۇق

قۇيقا Ⅰ

قۇيقا چېچى تىك تۇرماق

قۇيقاⅡ

قۇي-قۇي

قۇيقىلاتماق

قۇيقىلاشماق

قۇيقىلانماق

قۇيقىلىماق

قۇيما

قۇيماقⅠ

قۇيماقⅡ

قۇيمىچى

قۇيمىچىلىق

قۇيمىگەر

قۇيۇت

قۇيۇتلىماق

قۇيۇچ

قۇيۇشماق

قۇيۇلما

قۇيۇلماق

قۇيۇمچاق

قۇيۇن

قۇيۇنتاز

قې

قېپىشماق

قېپىنماق

قېتىرقانماق

قېتىرقىنىشماق

قېتىشتۇرماق

قېتىش-قۇراش

قېتىشما

قېتىشماقⅠ

قېتىشماقⅡ

قېتىق

قېتىقچى

قېتىقلىق

قېتىلماق

قېتىلىشماق

قېتىمⅠ

قېتىمⅡ

قېتىمقى

قېتىملاپ

قېتىملىق

قېتىملىماق

قېتىنچا

قېتىنچىلىق

قېچىر

قېچىرچى

قېچىرچىلىق

قېچىرلىق

قېچىرلىماق

قېچىشماق

قېرى Ⅰ

قېرىⅡ

قېرىتماق

قېرى-چۈرى

قېرىسال

قېرىشتۇرماق

قېرىشقاق

قېرىشقاقلىق

قېرىشماق

قېرىق

قېرى-قارتاڭ

قېرىقلاشماق

قېرىقلىق

قېرىقىز

قېرىلىق

قېرىم

قېرىماق

قېرىمدىماق

قېرىن (قارىن)

قېرىنچە

قېرىنداشⅡ

قېرىنداشلارچە

قېرىنداشلىق

قېرىنسىمان

قېرىنقۇلاق

قېرى-ياش

قېزا

قېزىشماق

قېزىلما

قېزىلماق

قېزىلىق

قېقىر-چۇقۇر

قېقىشتۇرماق

قېقىشماق

قېقىقلىق

قېقىلماق

قېقىلىپ-سوقۇلۇپ

قېقىندى

قېقىندى-سوقۇندى

قېلىپ

قېلىپباز

قېلىپبازلىق

قېلىپچى

قېلىپچىلىق

قېلىپسىز

قېلىپسىزلىق

قېلىپلاتماق

قېلىپلاشتۇرماق

قېلىپلاشتۇرۇلماق

قېلىپلاشماق

قېلىپلانماق

قېلىپلىق

قېلىپلىما

قېلىپلىماق

قېلىشماق

قېلىن

قېلىنلاتماق

قېلىنلاشتۇرماق

قېلىنلاشماق

قېلىنلىق

قېلىنلىماق

قېلىنماق

قېنى

قېنىشماق

قېنىق

قېنىقارلىق

قېنىقلىق

قېنىقماق

قېھ-قېھ

قېيناپا

قېيناتا

قېيناچا

قېيناغا

قېينانا

قېينىسىڭىل

قېيىنېگىچە

قېينىنى

قېيىداتماق

قېيىداشماق

قېيىدىغاق

قېيىدىماق

قېيىش

قېيىشتۇرماق

قېيىشتۇرۇلماق

قېيىشماق

قېيىغاچ

قېيىق Ⅰ

قېيىقⅡ

قېيىقچى

قېيىقچىلىق

قېيىقلىق

قېيىماق

قېيىن

قېيىن-بويان

قېيىنلىق

قىبلە

قىبلىگاھ

قىبلىنەما

قىپچا

قىپچاق

قىپچاقچە

قىپچانماق

قىتات

قىتاتلاتماق

قىتاتلاشماق

قىتاتلانماق

قىتاتلىماق

قىتان

قىتئە

قىتلانماق

قىتمال

قىتماللاشتۇرماق

قىتماللاشماق

قىتماللىق

قىتىغۇر

قىتىغۇرلۇق

قىتىڭشىماق

قىچا

قىچقارتماق

قىچقارماق

قىچقىرىشماق

قىچقىرىلماق

قىچىشتۇرماق

قىچىشقاق

قىچىشماق

قىچىق

قىچىقلاشماق

قىچىقلىماق

قىچىلىق

قىدام

قىدىرتماق

قىدىرماق

قىدىرىشماق

قىدىرىلماق

قىر

قىرائەت

قىرائەتخان

قىرائەتخانا

قىرائەتخانلىق

قىران

قىرانلىق

قىرت

قىرتاق

قىرتاقلاشماق

قىرتۇ

قىرتىش

قىر-چاپ

قىرچاڭغۇ

قىرچاڭغۇلۇق

قىرچىلاڭغۇ

قىرچىلدۇرماق

قىرچىلما

قىرچىلماق

قىرچىن

قىرچىنتال

قىر-دالا

قىرس

قىرسسىدە

قىرس-قىرس

قىرسلاتماق

قىرسلىماق

قىرسىق

قىرسىلداتماق

قىرسىلدىماق

قىرغاق

قىرغاقچى

قىرغاقلىق

قىرغاۋۇل

قىرغۇ

قىرغۇچⅠ

قىرغۇچⅡ

قىرغۇچى

قىرغۇزماق

قىرغۇزۇلماق

قىرغىز

قىرغىزچە

قىرغىنⅠ

قىرغىنⅡ

قىرغىن-چاپقۇن

قىرغىنچىلىق

قىرغىنلىق

قىر-قاش

قىرقىتماق

قىر-قىر

قىرقىراتماق

قىرقىراشماق

قىرقىرىماق

قىرقىشماق

قىرقىقسىز

قىرقىقلىق

قىرقىلما

قىرقىلماق

قىرقىم

قىرقىما

قىرقىماق

قىرقىندى

قىرلاتماق

قىرلاشماق

قىرلاقلىق

قىرلانماق

قىرلىق

قىرلىماق

قىرماق

قىرمۇقىر

قىرمىز (ى)

قىرمىزاق

قىرو

قىرودىماق

قىروسىز

قىرولۇق

قىرىچە

قىرىچە-يېنىچە

قىرىش

قىرىشماق

قىرىق

قىرىق سۈيى

قىرىق نەزىرى

قىرىقى ئانىسى

قىرىقئاياغ

قىرىقبوغۇم

قىرىقبوغۇمسىمان

قىرىققۇلاق

قىرىقىنچى

قىرىلماق

قىرىم

قىرىندى

قىز

قىزارتماق

قىزارتىلماق

قىزارماق

قىزتالاق

قىز-جۇۋان

قىزچاق

قىز-چوكان

قىزدۇرغۇچ

قىزغانچۇق

قىزغانچۇقلۇق

قىزغانماق

قىزغۇچ

قىزغىن

قىزغىنلىق

قىزغىنىشماق

قىزقۇۋار

قىزلىق

قىزىتقۇچ

قىزىتما

قىزىتماق

قىزىتىلماق

قىزىرىشماق

قىزىشماق

قىزىق

قىزىقارلىق

قىزىقتۇرماق

قىزىقتۇرۇلماق

قىزىقچى

قىزىقچىلىق

قىزىقسىندۇرماق

قىزىقسىنماق

قىزىقسىنىشماق

قىزىققاق

قىزىققاقلىق

قىزىققان

قىزىققانلىق

قىزىق-قىزىق

قىزىقلىق

قىزىقماق

قىزىقىدا

قىزىقىشلىق

قىزىقىشماق

قىزىل Ⅰ

قىزىل ئارمىيە

قىزىل بايراق

قىزىل رەقەم

قىزىل قەغەز ئالماق

قىزىل قىيامەت

قىزىل كۆز

قىزىل ئىشتان

قىزىلⅡ

قىزىلاڭ

قىزىلبۇرۇن

قىزىلبۇغداش

قىزىلتاسما

قىزىل-تىزىل

قىزىلچا

قىزىلچىلىق

قىزىلقۇلاق

قىزلكوس

قىزىلكۈيە

قىزىلگۈل

قىزىللاشتۇرۇشماق

قىزىللاشتۇرماق

قىزىللاشتۇرۇلماق

قىزىللاشماق

قىزىللىق

قىزىلمارال

قىزىلمۇچ

قىزىلمۇچلۇق

قىزىلئۆڭگەچ

قىزىلۋاش

قىزىماق

قىز-يىگىت

قىس

قىساس

قىساس تۇتماق

قىساسچى

قىساسچىلىق

قىساسخور

قىساسخورلۇق

قىساسكار

قىساسكارلىق

قىساسلىق

قىساسنامە

قىساڭ

قىستاتماق

قىستاشماق

قىستاق

قىستاقچىلىق

قىستا-قىستاڭ

قىستا-قىستاڭچىلىق

قىستاڭ

قىستاڭچىلىق

قىستاڭغۇ

قىستاڭلىق

قىستالماق

قىستۇرما

قىستۇرما سۆز

قىستۇرماق

قىستۇرۇشماق

قىستۇرۇقلۇق

قىستۇرۇلما

قىستۇرۇلماق

قىستىلاڭ

قىستىلىشماق

قىستىما

قىستىماق

قىسچىلىق

قىسىرەمدى

قىسسە

قىسسىخان

قىسسىخانلىق

قىسقا

قىسقاچ

قىسقارتما

قىسقارتماق

قىسقارتىلما

قىسقارتىلماق

قىسقارماق

قىسقۇچ Ⅰ

قىسقۇچⅡ

قىسقۇچپاقا

قىسقۇزماق

قىسقىچە

قىسقىرىشچان

قىسقىرىشچانلىق

قىسقىرىشماق

قىسقىسى

قىسقىلىق

قىسقىيان

قىسلىق

قىسماقⅠ

قىسماققا ئالماق

قىسماق قۇرماق

قىسماقⅡ

قىسماقⅢ

قىسماقⅣ

قىسماقدىماق

قىسما-قىسما

قىسمەت

قىسمەتلىك

قىسمەن

قىسمەنلىك

قىسىر

قىسىشتۇرماق

قىسىشماق

قىسىق

قىسىقلىق

قىسىل

قىسىلاچ

قىسىلاڭغۇ

قىسىلچاق

قىسىلچاقلىق

قىسىلدۇرماق

قىسىلماق

قىسىمⅠ

قىسىمⅡ

قىسىملىق

قىسىنچىلىق

قىسىنماق

قىسىي

قىش

قىش-زىمىستان

قىشقى

قىش-قىرو

قىشقىل

قىشلاتماق

قىشلاشماق

قىشلاق

قىشلىق

قىشلىقى

قىشلىماق

قىشۇياز

قىشىچە

قىش-ياز

قىغ

قىغچى

قىغسىز

قىغ-قات

قىغلاتماق

قىغلاشماق

قىغلانماق

قىغلىق

قىغلىماق

قىق

قىقۇ-ماچۇ

قىڭراق

قىڭراق تۆش

قىڭغايتماق

قىڭغايتىلماق

قىڭغايماق

قىڭغىر

قىڭغىر دەسسىمەك

قىڭغىر-سىڭغىر

قىڭغىر-قىيسىق

قىڭغىرلىق

قىڭغىر-مايماق

قىڭغىيىشماق

قىل

قىل تەۋرىمەسلىك

قىلدەك تولغانماق

قىلدىن قىيسىق كەتسە

قىلدىن قىيىق كەتسە

قىل سىغماسلىق

قىل قالماق

قىلنى پىل قىلماق

قىلنى قىرىق يارماق

قىل ئۆتكۈزمەسلىك

قىل ئۈستىدە

قىلات

قىلتاجى

قىلتاق

قىلتاقچى

قىلتاقچىلىق

قىلتاماق

قىلتىرىق

قىلتىرىقسىز

قىلتىرىقلىق

قىلچاقⅠ

قىلچاقⅡ

قىلچاڭ

قىلچە

قىلچىق

قىلچىلىك

قىلچىمۇ

قىلدۇرماق

قىلدۇرۇشماق

قىلغان-ئەتكەن

قىلغۇلۇق

قىلقاش

قىلقۇرت

قىلماق

قىلغىلى قىلىق تاپالماسلىق

قىلمىش

قىلمىش-ئەتمىش

قىلمىشلىق

قىلىچ

قىلىچىدىن قان تامىدىغان

قىلىچلاشماق

قىلىچلانماق

قىلىچلىماق

قىلىچۋاز

قىلىچۋازلىق

قىلىشماق

قىلىق

قىلىق چىقارماق

قىلىقسىز

قىلىقسىزلىق

قىلىقلىق

قىلىنماق

قىلياش

قىليورغا

قىليىلان

قىم

قىماپ

قىمار

قىمارخانا

قىمارۋاز

قىمارۋازلىق

قىمدىماق

قىمشىتماق

قىمشىماق

قىم-قىم

قىممەت

قىممەتچى

قىممەتچىلىك

قىممەتداش

قىممەتسىنمەك

قىممەتسىنىشمەك

قىممەتلەتمەك

قىممەتلەشتۈرمەك

قىممەتلەشتۈرۈشمەك

قىممەتلەشتۈرۈلمەك

قىممەتلەشمەك

قىممەتلىك

قىممەتلىمەك

قىمىر

قىمىر-چىمىر

قىمىر-سىدىر

قىمىر-قىمىر

قىمىرلاتماق

قىمىرلاشماق

قىمىرلىماق

قىمىز

قىمىزخانا

قىمىلداتماق

قىمىلداشماق

قىمىلدىماق

قىن

قىنىغا پاتماي قالماق

قىنىغا پاتماي كەتمەك

قىناق

قىناققا كەلمەك

قىنلىق

قىنىماق

قىھ

قىيا

قىيا كۆزىنى سالماسلىق

قىياپەت

قىياپەتشۇناس

قىياپەتشۇناسلىق

قىياپەتلىك

قىيا-چىيا

قىياس

قىياسەن

قىياسلىماق

قىياسىي

قىياقⅠ

قىياقⅡ

قىياقلىق

قىياق-ئېجرىق

قىيالىق

قىيامⅠ

قىيامⅡ

قىيامەت

قىيامەت قايىم بولماق

قىيامەتگاھ

قىيامەتلىك

قىيان

قىيان-تاشقىن

قىيانلىق

قىيپاش

قىيپاشلاتماق

قىيپاشلانماق

قىيپاشلىق

قىيپاشلىماق

قىي-چۇۋ

قىيدامچى

قىيدۇرماق

قىيسايتماق

قىيسايتىلماق

قىيسايماق

قىيسىق

قىيسىيىشماق

قىيغاتماق

قىيغاچ

قىيغاقچا

قىيغىتىشماق

قىيقاس

قىيقاس-چۇقان

قىيقاس-سۈرەن

قىيقىتمەك

قىيما

قىيما-چىيما

قىيماسلىق

قىيما-قىيما

قىيماق

قىيمىلاتماق

قىيمىلىق

قىيمىلىماق

قىيناتماق

قىيناشماق

قىيناق

قىيناقخانا

قىينالماق

قىينىماق

قىيىشماق

قىيىقⅠ

قىيىقⅡ

قىيىقچە

قىيىقلىقⅠ

قېيىقلىقⅡ

قىيىلماق

قىيىن

قىيىنچىلىق

قىيىنچىلىقسىز

قىيىنداق

قىيىندى

قىيىنسىنىشماق

قىيىنسىنماق

قىيىن-قىستاق

قىيىنلاشتۇرماق

قىيىنلاشتۇرۇلماق

قىيىنلاشماق

قىيىنلىق

ئىزاھى

ق

  • ق[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى ئون يەتتىنچى ھەرپ، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئون يەتتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما. «ق» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ق»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ق»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ق»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ق»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «قې» دۇر.

  • «ق» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل تۈۋى يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتلىغۇچى تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭسىز تاۋۇش.

  • «ق» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. «ق» تاۋۇشى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان بەزى بۇيرۇق پېئىللارغا قوشۇلۇپ، شۇ پېئىل بىلدۈرگەن مەنە بىلەن نەتىجىلەنگەن ھالەتنى بىلدۈرىدىغان سۈپەت ياسايدۇ. مەسىلەن:

  • باغلا − باغلاق بوردا − بورداق

  • 2. «ق» تاۋۇشى «-سا» بىلەن ئاياغلاشقان شەرت مەيلىدىكى پېئىللارغا قوشۇلۇپ Ⅰ شەخس كۆپلۈك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن:

  • بار − بارسا − بارساق تۇر − تۇرسا − تۇرساق

  • 3. «غ» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەلەپپۇزدىكى ئاسانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ «ق» تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان قوشۇمچە قوشۇلىدۇ. قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى «ق» تاۋۇشى سۆز ئاخىرىدا كەلگەن «غ» تاۋۇشىنى تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە ئوخشىتىۋالىدۇ-دە، تەلەپپۇزدا «غ» تاۋۇشى «ق» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ، ئەمما ئىملادا ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • باغ − باغقا باققا

  • تۇغ − تۇغقان تۇققان

  • 4. «ق» تاۋۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگە «ق» دىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، شۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى «ق» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا «خ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ، ئەمما ئىملادا ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ساقچى ساخچى

  • ئاقساقال ئاخساقال

  • ئاققۇ ئاققۇ

قاباھەت

  • قاباھەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] يارىماس، قەبىھ ئىش-ھەرىكەت؛ ياۋۇزلۇق، قەبىھلىك:[مىسال:] بۇ دۇنيادا ئادالەت بىلەن قاباھەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بىر كۈنمۇ توختاپ قالمايدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتايىن سەت؛ قورقۇنچلۇق، قەبىھ:[مىسال:] نېمە بولدىكىن ئاينىسا ھويلا ئىچىدە تۇلۇق تاشتەك يۇمىلىنىپ چىرقىرايتتى، ۋارقىرايتتى، چاچلىرىنى چۇۋۇيتتى، قاباھەت تىللار بىلەن دادامغا ئېسىلاتتى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى، قالتىس:[مىسال:] رۇستەمى داستان شۇنداق كۈچتۈڭگۈر، مىسلىسىز يوغان ۋە قاباھەت باتۇر-پالۋان ئىدىكى، ھەربىر قولىدا بىردىن ئىككى يوغان ئۆكۈزنى ئاسلاندەك قاماللاپ كۆتۈرۈۋېلىپ بىر-بىرىگە ئۈستۈرۈشۈپ سوقۇشتۇراتتى.

قاباھەتلىك

  • قاباھەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆرۈمسىز، بەك سەت، قەبىھ؛ قورقۇنچلۇق:[مىسال:] قاباھەتلىك چۈش. * غېرىب سەرخىن شاھ مەھمۇرخاننىڭ قاباھەتلىك تەلەتىدىن، ياۋۇز خۇي-پەيلىدىن نەپرەتلىنىپتۇ.

قابىل

  • قابىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا قۇربى، قابىلىيىتى يېتىدىغان؛ ياراملىق، قابىلىيەتلىك، ئىقتىدارلىق:[مىسال:] قابىل كادىر.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

قابىللىق

  • قابىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم ئىشنى بېجىرەلەيدىغان خۇسۇسىيەت؛ ئىقتىدار، تالانت:[مىسال:] ئادەم ھەممىگە قابىل ئىكەن، قابىللىقىمىز كۆزىمىزگە كۆرۈنۈۋاتىدۇ.

قابىلىيەت

  • قابىلىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم ئىشنى بېجىرىش لاياقىتى؛ تالانت، ئىقتىدار؛ ئىستېدات:[مىسال:] ئۇ كىچىك بولغان بىلەن، ئېسىدە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى مېنىڭكىدىن يۇقىرى ئىدى.

قابىلىيەتسىز

  • قابىلىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قابىلىيىتى، ئىقتىدارى، تالانتى يوق؛ ئىقتىدارسىز، يارامسىز:[مىسال:] ئىختىساسلىق كىشىلەرنىڭ كەلتۈرىدىغان پايدىسى قابىلىيەتسىز ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپرەك بولىدۇ.

قابىلىيەتسىزلىك

  • قابىلىيەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىقتىدارسىزلىق، لاياقەتسىزلىك:[مىسال:] قابىلىيەتسىزلىك كۆپ ھالدا بىلىمسىزلىكتىن پەيدا بولىدۇ.

قابىلىيەتلىك

  • قابىلىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قابىلىيىتى، ئىقتىدارى، تالانتى بار؛ قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىقتىدارلىق، قابىل، ياراملىق:[مىسال:] قابىلىيەتلىك ياشلار.

قاپ Ⅰ

  • قاپ Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى ئىچىگە قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، رەختتىن تىكىلگەن ياكى پاختا، يۇڭ، چىگە يىپلىرى ۋە سۈنئىي تالالاردىن توقۇلغان بۇيۇم؛ كىچىك تاغار:[مىسال:] تەڭ تېڭى بىلەن، تېزەك قېپى بىلەن (ماقال). * بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ، قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ سىرتقى قىسمىنى ئوراپ، قاپلاپ تۇرىدىغان قىسمى:[مىسال:] ياستۇق قېپى. سەرەڭگە قېپى. تاشپاقا قېپى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ قاپلىق نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئون قاپ سەرەڭگە.

قاپ تېشەر

  • قاپ تېشەر [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆز بېشىمچە، باشباشتاق.

قاپ ياردى

  • قاپ ياردى[يەشمىسى:] ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشماي، قاراملىق بىلەن، بۆسۈپ قىلىدىغان:[مىسال:] ئەمەت دېگەن تازا قاپ ياردى نەرسە.

قاپⅡ

  • قاپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توپتوغرا، دەل:[مىسال:] قاپ بەل. قاپ ئوتتۇرا.

قاپارتقۇ

  • قاپارتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قاپارتما»غا قاراڭ:[مىسال:] يول ئېچىلغان ھامان خۇددى قاپارتقۇ يېرىلغاندەك يىرىڭ ئېتىلىپ چىقتى.

قاپارتما

  • قاپارتما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قول، پۇت قاتارلىقلارنىڭ زەخىملىنىشىدىن تېرە ئۈستى ياكى ئاستىدىكى سۇيۇقلۇقلار يىغىلىپ، قاپىرىپ قالغان جاي:[مىسال:] مەن ھارغىن ھالدا ئالىقانلىرىمنى ئېچىپ، سۇ كۆتۈرۈپ چىققان قاپارتمىلارغا قارىدىم. بەزىلىرى يېرىلىپ، ئىچىدىكى سۈيى چىقىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاپارتىلىپ ئىشلەنگەن، قاپارتىلغان؛ بۆرتۇپ چىققان، بۆرتمە:[مىسال:] قاپارتما بەت. قاپارتما نەقىش. قاپارتما ھەيكەل.

قاپارتماق

  • قاپارتماق[يەشمىسى:] «قاپارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداق، ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۆستەڭ چېپىپ، تىرگەن سوقۇپ ئالىقىنىنى قاپارتىپمۇ يۈرمەيدۇ.

قاپارماق

  • قاپارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇت، قول قاتارلىقلاردا قاپارتمىلار پەيدا بولماق:[مىسال:] بۇ يولدا تولا مېڭىپ، پۇتۇم قاپىرىپ كەتتى. ھارۋىغا چۈشەي دېسەم، ئۆكۈز ئالدىراپ كەتتى.

قاپاق Ⅰ

  • قاپاق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يەر بېغىرلاپ، يوپۇرمىقى يۈرەك شەكلىدە نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى:[مىسال:] ماي قاپىقى. سۇ قاپىقى. چىلىم قاپىقى. ناس قاپىقى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىگە ئوخشايدىغان؛ چوڭ، ئىچى كاۋاك ياكى ئىچى بوش بولغان:[مىسال:] قاپاق ئاپېلسىن. قاپاق ئامۇت. قاپاق لازا. قاپاق تېرەك. قاپاق جىگدە. قاپاق گىلاس. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، دۆت، كالۋا، ھاماقەت:[مىسال:] ئۇنىڭ كاللىسى تازا قاپاق ئىكەن-دە، شۇنىمۇ ئاڭقىرالمىغىنىنى قارا

قاپاقⅡ

  • قاپاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] كۆز ئالمىسىنى ئوراپ تۇرىدىغان، گىرۋىكىدە كىرپىك بولغان ۋە ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرىدىغان تېرە. كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] بادام قاپاق. توڭ قاپاق. قاپىقى تارتماق. قاپىقى تۈرۈلمەك. قاپىقى يامان.

قاپىقىدىن قار ياغماق

  • قاپىقىدىن قار ياغماق[يەشمىسى:] چىرايىدىن خاپا بولغانلىقى، ئاچچىقىنىڭ كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرماق؛ تەلەتى سۆرۈنلۈك قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ رەڭگىرويى بىردىنلا ئۆزگىرىپ قاپىقىدىن قار يېغىشقا باشلىدى.

قاپىقىدىن مۇز ياغماق

  • قاپىقىدىن مۇز ياغماق[يەشمىسى:] «قاپىقىدىن قار ياغماق»غا قاراڭ:[مىسال:] تاغامنىڭ خوتۇنى قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان جاۋىلداق ئايال ئىدى.

قاپىقىنىڭ زېيىنى ئالماق

  • قاپىقىنىڭ زېيىنى ئالماق[يەشمىسى:] ئەدىپىنى بېرىپ ئىككىنچى ھومايمايدىغان قىلماق:[مىسال:] ھەي دادا دېگەنگىمۇ قاپاق ئۇششۇرغان بارمۇ ھېلى قاپىقىنىڭ زېيىنى ئېلىپ پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويىمەن.

قاپىقى ئۇششۇق

  • قاپىقى ئۇششۇق[يەشمىسى:] توڭ قاپاق، كەيپىياتى يامان:[مىسال:] قاپىقى ئۇششۇق ئۆزىگە تۇشلۇق (ماقال). * — ئانداق بولسا يېپىق قازان يېپىق بويىچە قالسۇن، دېدى كامال گەپنى چورتتىدە ئۈزۈپ، نېمىگە ئالدىرايتتىڭلار، قاپىقى ئۇششۇق، پۇلىغا تۇشلۇق، گازىر-پۇرچاققا توي قىلىدىغانلار چىقىپ قالىدۇ.

قاپاقلىق

  • قاپاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① قاپاق ئۆستۈرۈلگەن جاي:[مىسال:] باغنىڭ بىر بۇلۇڭى ناسۋال قاپىقى تېرىلغان كىچىككىنە قاپاقلىق ئىدى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دۆتلۈك، كالۋالىق:[مىسال:] قارىمامسىز، مېنىڭ بۇ قاپاقلىقىمغا، قېرىغان ئوخشايمىز.

قاپاقئوت

  • قاپاقئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاپاق+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىنىگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

قاپاقياردى

  • قاپاقياردى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاپاق+ياردى[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 24 مەۋسۇمنىڭ بىرى. مىلادىيە كالېندارى بويىچە 20-يانۋاردىن 21-يانۋار ئارىلىقىدا باشلىنىدۇ.

قاپباش

  • قاپباش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاپ+باش[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] چوڭلۇقى قارا قۇشقاچتەك، قۇيرۇقىدا قارامتۇل بەلدەم بار، تۇمشۇقى ئىلمەك، بېشى يوغان بىر خىل قۇش؛ بوز غورۇلاي.

قاپتال

  • قاپتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① تاغ ۋە ئېگىزلىكلەرنىڭ تەكشىلىك بىلەن تۇتاشقان باغرى، يان تەرىپى:[مىسال:] بالىلار تاغ قاپتىلىدىكى قېلىن قارىغايلىقلار ئىچىدە يالغۇز يولنى بويلاپ يۈرۈپ كەتتى. [يەشمىسى:] ② ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇچىسى بىلەن قورسىقى ئارىلىقىدىكى ئىككى يېنى:[مىسال:] داۋان سۈيى يامان ئىكەن، قاپتالدىن ئاشتى. [يەشمىسى:] ③ ئېگەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قانىتى.

قاپتاللىق

  • قاپتاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يان تەرەپلىرىدە قاپتاللىرى بار، يان تەرىپى بەك تىك ئەمەس:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن مەن كەينىمىزدىكى قاپتاللىق سارغۇچ تاغنىڭ شاپتۇل ۋە ئۆرۈك چېچەكلىرى بىلەن چۈمكىلىپ بايرامغا ياسانغان قىزچاقتەك بولۇپ كەتكىنىنى كۆرەلمىدىم.

قاپتاللىماق

  • قاپتاللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاپتالنى ياقىلىماق، قاپتالنى بويلاپ ماڭماق:[مىسال:] «تاغ باغىرلىماق» دېگەننى «تاغنى ياقىلاپ، قاپتاللاپ، بويلاپ ماڭماق» دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

قاپچۇق

  • قاپچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① تېرە، رەخت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ئىچىگە بىرەر نەرسە سېلىپ ساقلاش ئۈچۈن مەخسۇس تىكىلگەن خالتا:[مىسال:] ئۇ قەددىنى رۇسلاپ، ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تايىنىپ يانچۇقىدىن تاماكا قاپچۇقىنى ئالدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدىغان سىرتقى قېپى، قاسىرىقى.

قاپچىغاي

  • قاپچىغاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ، يار، دەريا بويى، ئورمانلىق قاتارلىقلاردىكى شامالنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمايدىغان، قولتۇق شەكلىدىكى جاي:[مىسال:] ئۇلار جىغان تۈۋىدىكى قاپچىغايدا بىردەم ئولتۇردى، ئەتراپ جىمجىت ئىدى.

قاپچىمال

  • قاپچىمال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت. [يەشمىسى:] ① كەندىر ۋە زاغۇن ئارىلاشتۇرۇلۇپ تارتىلغان. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ساراڭ قېتىش.

قاپساتماق

  • قاپساتماق[يەشمىسى:] «قاپسىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاپساشماق

  • قاپساشماق[يەشمىسى:] «قاپسىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاپسالما

  • قاپسالما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاپسىلىدىغان، قاپسىلىپ قالىدىغان:[مىسال:] قاپسالما يۇقىرى بېسىم.

قاپسالماق

  • قاپسالماق[يەشمىسى:] «قاپسىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نەچچە يىلدىن بېرى بىرقانچە ئۆلكىگە پاتمىغان بۇ «قەھرىمان» ئەمدى كىچىك بىر ناھىيىگە قاپسىلىپ قالدى.

قاپسىماقⅠ

  • قاپسىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① ئەتراپنى قورشىماق، مۇھاسىرىگە ئالماق:[مىسال:] ئوسمان بىرنەچچە سەردارلىرى بىلەن بەھرامنى ئوتتۇرىغا قاپسىۋالدى. [يەشمىسى:] ② ئالدىنى تورىماق، بىر يەرگە قىستاپ قويماق، قىستىماق:[مىسال:] كېۋىرئاخۇن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقتى ۋە ئىشىك ئالدىنى قاپساپ تۇرغان مەنسۇر، زايىت ۋە مامۇتلارنى كۆردى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىرمىۋالماق، قاپلىماق:[مىسال:] مېڭەمنى قاراڭغۇ تۇمانلار قاپسىۋالدى.

قاپسىماقⅡ

  • قاپسىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىللىماق.

قاپقا

  • قاپقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① دەرۋازا:[مىسال:] قاپقا باقار. * ئۇ ئىككى ئاتلىق چوڭ ھويلا قاپقىسى ئالدىدا ئاتتىن چۈشتى.[يەشمىسى:] ② قاپقاق:[مىسال:] ھازىر ھېسامىدىن داموللا قازناق ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەۋرەزنىڭ قاپقىسىغا چىلان ياغىچىدىن ئىشلەنگەن ھاسىسىنى «توك، توك» ئۇرۇپ مەيدە يانچۇقىدىن ياپىلاق ئالتۇن سائىتىنى قولىغا ئالدى. [يەشمىسى:] ③ توما، چۈشۈرگە ۋە باشلام ئېغىزلىرىدا سۇنىڭ ئاز-كۆپ ئېقىشىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ، سېمونت قاتارلىقلاردىن مەخسۇس ياسالغان قۇرۇلما؛ تاقاق:[مىسال:] بوۋاي كىچىك چاقپەلەككە چۈشۈرگە قاپقىسىنى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، چۈشۈرگىنى تۈگمەن ئىچىدىلا تۇرۇپ باشقۇرۇپ، تۈگمەن ھەرىكىتىنى خالىغىنىچە ئىدارە قىلاتتى.

قاپقاق

  • قاپقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① كەڭ ئېغىزلىق نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى يېپىش ئۈچۈن ياسالغان ياپقۇچ:[مىسال:] ساندۇقنىڭ قاپقىقى. يانچۇقنىڭ قاپقىقى.[يەشمىسى:] ② دېرىزە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ سىرتىنى يېپىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان قانات، ياپقۇچ:[مىسال:] ئابىدەم ئورنىدىن تۇردى دە، دېرىزىدىن چىقىپ، قاپقاقنى ياپتى. [يەشمىسى:] ③ توما، چۈشۈرگە ۋە باشلام ئېغىزلىرىدا سۇنىڭ ئاز-كۆپ ئېقىشىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ، سېمونت قاتارلىقلاردىن مەخسۇس ياسىلىدىغان قۇرۇلما؛ قاپقا، تاقاق:[مىسال:] ئۇلار دامبىنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا ئاز قالغاندا، سادىق يېنىدىكى بىر ياش يىگىتكە قاراپ: ئامبارنىڭ سۇ چىقىرىش قاپقىقىنى كۆتۈرۈۋەتكەنمۇ دەپ سورىدى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى بەزى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئىچىدىكى ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرىدىغان پەردىسىمان توقۇلما.

قاپقاقلاتماق

  • قاپقاقلاتماق[يەشمىسى:] «قاپقاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاپقاقلاشماق

  • قاپقاقلاشماق[يەشمىسى:] «قاپقاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاپقاقلانماق

  • قاپقاقلانماق[يەشمىسى:] «قاپقاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاپقاقلىق

  • قاپقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاپقىقى بار، قاپقاق ئورنىتىلغان:[مىسال:] قاپقاقلىق دېرىزە. قاپقاقلىق ساندۇق. قاپقاقلىق مېۋە.

قاپقاقلىماق

  • قاپقاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قاپقاق ئورناتماق. [يەشمىسى:] ② قاپقاق بىلەن ئەتمەك، قاپقىقىنى ياپماق.

قاپقان

  • قاپقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تۇزاق»قا قاراڭ:[مىسال:] ققان قۇرماق. قاپقانغا چۈشمەك. قاپقانغا دەسسىمەك. * ئانا قاپقاننى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ قارىدى.

قاپقان-تۇزاق

  • قاپقان-تۇزاق[يەشمىسى:] قاپقان ۋە تۇزاق:[مىسال:] ھىم، مىلتىق ئېتىپ ئوقنى زايە قىلىدۇ دەمسەن، دەپتۇ سۇغۇر ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ قىلتاق، قاپقان-تۇزاقلىرى بار.

قاپقانچى

  • قاپقانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① قاپقان قۇرۇپ ئوۋ قىلغۇچى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ باشقىلارنى دامىغا چۈشۈرگۈچى:[مىسال:] ياسىن، بۇنداق ئەخمەقلىقنى قىلماي ئۆيۈڭگە قايت، سەن ھازىر بارىمەن دېگىنىڭ بىلەن قاپقانچىلار سېنى قىلتاققا چۈشۈرۈشكە تەمشىلىپ تۇرۇشقاندۇ

قاپقانچىلىق

  • قاپقانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① قاپقان بىلەن ئوۋچىلىق قىلىش ئىشى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىش.

قاپقانلىق

  • قاپقانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاپقان قۇرۇلغان:[مىسال:] يۇلغۇنلۇق ئارىسىدىكى تار يولنىڭ ھەممىسى قاپقانلىق ئىدى.

قاپقىلىق

  • قاپقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاپقىسى بار، قاپقا ئورنىتىلغان:[مىسال:] قورۇنىڭ كۈنگەيگە قارىتىلغان پېشايۋىنى ئاستىدا ئۇزۇن سۇپا، سۇپىنىڭ يۇقىرىسىدا قاپقىلىق قاتار دېرىزىلەر ۋە گۈللەر چېكىلىپ ياسالغان قوش قاناتلىق ئىشىكلەر تۇراتتى.

قاپلاتماق

  • قاپلاتماق[يەشمىسى:] «قاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆمەرنىڭ قۇرت چۈشۈپ كەمتۈك قىلىپ قويغان چىشىنى ئاتىسى ئۆزىنىڭ ئېشىنغان پۇللىرىنى سەرپ قىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىتىپ قويدى.

قاپلاشتۇرماق

  • قاپلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاپلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاپلاشماق

  • قاپلاشماق [يەشمىسى:] ① «قاپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىكى يىغىن تەييارلىقى ئۈچۈن خىزمەتچىلەر ئۇخلىماي ئىشلىدى، قولمۇقول تۇتۇپ ساپا، ئورۇندۇقلارنى يېڭى رەختلەر بىلەن قاپلاشتى. [يەشمىسى:] ② تولماق، تىقىلماق، توسۇلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكى ئۇرۇشقا باشلىدى، دېمى سىقىلىپ، چاناقلىرىغا ياش قاپلاشتى.

قاپلاڭغۇ

  • قاپلاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن ئورالغان يەر.

قاپلامپۇشقۇل

  • قاپلامپۇشقۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۆز-ھەرىكىتى قاملاشمىغان، لامزەللە:[مىسال:] مېنىڭ بولغىنىم مۇشۇ ئوخشايدۇ، مەن تازا قاپلامپۇشقۇل بىر ئەرگە ياتلىق بوپتىكەنمەن، دېدى ئاسىگۈل خورسىنىپ.

قاپلان

  • قاپلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «يىلپىز»غا قاراڭ.

قاپلانماق

  • قاپلانماق[يەشمىسى:] «قاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باغلار چېچەكلەر بىلەن قاپلاندى.

قاپلىق

  • قاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېپى بار، قاپ بېكىتىلگەن، قاپلانغان:[مىسال:] قاپلىق سىم.

قاپلىما

  • قاپلىما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ سىرتىغا، ئۈستىگە قاپلانغان:[مىسال:] ئۇ چاققانراق بولۇش ئۈچۈن، ئاق قاپلىما چاپىنىنىڭ يەڭلىرىنى تۈرۈۋالدى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ سىرتىدىن قاپلانغان نەرسە:[مىسال:] مەن ماي ئېقىشنىڭ سەۋەبىنى ئوققا كىيدۈرۈلگەن قاپلىمىنىڭ ئۈستى ماي يۈزىدىن تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقىدىن بولغان دېگەن ئويغا كەلدىم.

قاپلىماق

  • قاپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① ئۈستىنى، سىرتىنى قاپ ياكى باشقا نەرسە بىلەن ئورىماق، يۆگىمەك، تاشلىماق:[مىسال:] ياستۇقنى قاپلىماق. * ئۇ كۈلسىلا ئالتۇن بىلەن قاپلىغان بىرنەچچە چىشى كۆرۈنۈپ قالاتتى. [يەشمىسى:] ② ئۈستىنى ياكى ھەممە يېرىنى ئورىماق، باسماق:[مىسال:] ئاسماننى قارا تۈتەك قاپلىدى. [يەشمىسى:] ③ ھەممە يېرىگە تارالماق، ھەممە يېرىنى ئىگىلىمەك:[مىسال:] پۈتۈن يېزىنى مېنىڭ توغرامدىكى گەپ-سۆزلەر قاپلاپ كەتتى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] توسماق، بېكىتمەك؛ ئەتمەك:[مىسال:] خالىدىن ئەپەندىم ئىمتىھان قەغىزىنى كۆرەلمەي قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ياش پەردىسى قاپلىۋالغانىدى.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورنىنى تولۇقلىماق:[مىسال:] كىرىم چىقىمنى قاپلىيالمىدى.

قاپىيە

  • قاپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مىسرالارنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن سۆز ۋە بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى:[مىسال:] قاپىيىگە سالماق.

قاپىيىداش

  • قاپىيىداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزئارا قاپىيىلىنىدىغان، ئاھاڭداش:[مىسال:] شائىر ئۆزى يازغان دراما ۋە ئوپېرا جۈملىسىنى مۇشۇنداق قاپىيىداش سۆزلەر بىلەن تۈزۈپ چىقاتتى.

قاپىيىداشلىق

  • قاپىيىداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاپىيىدە ماس كېلىش ھالىتى، ئاھاڭداشلىق:[مىسال:] شېئىرنىڭ قاپىيىداشلىقى.

قاپىيىسىز

  • قاپىيىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاپىيىسى يوق، قاپىيىلەنمىگەن:[مىسال:] قاپىيىسىز ھەم شېئىر ياز، نەزمىدە ئەلا پىكىر، گەپكە كىرمەس ئېركى دەر:[مىسال:] كەت قاپىيە، بار قاپىيە.

قاپىيىلەشتۈرمەك

  • قاپىيىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «قاپىيىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاپىيىلەشتۈرۈلمەك

  • قاپىيىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «قاپىيىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاپىيىلەشمەك

  • قاپىيىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە قاپىيىداش ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] توق قاپىيىدە قاپىيىلەشكەن سۆزلەرنىڭ تاۋۇش-بوغۇملىرى ئۆزئارا ماسلاشقان بولىدۇ.

قاپىيىلىك

  • قاپىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاپىيىسى بار، ئۆزئارا قاپىيىداش، قاپىيىلەشكەن:[مىسال:] قاپىيىلىك سۆزلەر.

قات Ⅰ

  • قات Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەۋەت-قەۋەت ياكى قاتلام-قاتلام نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قەۋىتى، قاتلىمى:[مىسال:] كىتابنىڭ قېتى. يەرنىڭ قېتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتار، سەپ، ئارا:[مىسال:] ھەمكارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. قېتىمىزدا بىللە ئېلىپ كېتەيلى دېيىشتۇق. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چەت، ياقا تەرەپ، قىرغاق:[مىسال:] يولنىڭ ئىككى قېتى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتلام، قەۋەتلەرگە بۆلۈنگەن، قەۋەتلىك:[مىسال:] قات بۇلۇت. قات گۈل. قات ئۆپكە.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپ، زىيادە؛ قەۋەت-قەۋەت:[مىسال:] ئۆزۈڭ كەتكىن پات يىگىت، ياشا شۇندا شات يىگىت. قېنىپ يارىڭ ۋەسلىگە، بولسۇن بەختىڭ قات يىگىت.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېشىلگەن ياكى بىرىكتۈرۈلگەن يىپ ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر تېلى:[مىسال:] ئۈچ قات يىپ. ئىككى قات سىم.

قاتⅡ

  • قاتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەررە، قېتىم.

قاتارⅠ

  • قاتارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دامكا تۈرىدىكى بىر خىل ئويۇن. ئادەتتە تاختاي، قەغەز قاتارلىقلارغا تۆت بۇلۇڭلۇق كېسىشكەن سىزىقلار سىزىلىپ، ئىككى كىشى ئۆز ئۇرۇقلىرىنى مەلۇم يۆنىلىش بويىچە يۆتكەپ يۈرۈش ئارقىلىق ئوينايدۇ:[مىسال:] ئۇ بەزىدە قارتا، قاتار دىگەندەك ئويۇنلارنىمۇ ئويناپ قوياتتى.

قاتارⅡ

  • قاتارⅡ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ يانمۇيان ياكى ئارقىمۇئارقا جايلىشىشىدىن، تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان رەت، سەپ:[مىسال:] ئەلەمدار ۋە قەلەمدار بەگلەر قاتار بولۇپ ئۆرە تۇرۇشتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزىلغان، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كېلىدىغان، يانمۇيان، ئارقىمۇئارقا؛ رەتلىك:[مىسال:] كارىدورغا سۈپىتى بىر-بىرىدىن دەرىجىمۇدەرىجە پەرقلىنىدىغان قاتار ئۆيلەر جايلاشقانىدى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، تىزىلغان ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۈچ قاتار تېرەك. تۆت قاتار ئۆي. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] سانلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان رېتى:[مىسال:] سانلار قاتارى.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] سانلار ئارقىمۇئارقىلىقىدىكى ھەر قايسى ئەزالارنىڭ يىغىندىسى. مەسىلەن، 1+[SX(]1[]2[SX)]+[SX(]1[]3[SX)]+[SX(]1[]4[SX)] …سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى1,[SX(]1[]2[SX)],[SX(]1[]3[SX)],[SX(]1[]4[SX)] … نىڭ قاتارى بولىدۇ.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئۆزئارا مەلۇم مۇناسىۋەتتە باغلانغان خىمىيىۋى بىرىكمىلەر گۇرۇپپىسى.⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا، تەشكىلات ۋە شۇ قاتارلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر توپى، سەپ:[مىسال:] قاتارغا ئالماق. قاتارغا قاتماق. * قاتاردىن قالغۇچە خاتادىن قال (ماقال).⑧ [يەشمىسى:] «شۇ» سۆزىدىن كېيىن ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ «شۇنىڭ بىلەن بىرگە»، «شۇنىڭ ئىچىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ شۇ قاتاردا ئۆزىنىڭمۇ تېۋىپلىكىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.⑨ [يەشمىسى:] «بىر» سۆزى بىلەن كېلىپ «بىر يۈرۈش»، «بىر قۇر»، «بىرقانچە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قاتار مەسىلە. بىر قاتار ئىش.

قاتارⅢ

  • قاتارⅢ[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] قاتار دۆلىتى پارىس قولتۇقىنىڭ جەنۇبى قىرغىقىدىكى قاتار يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مايدانى 11 مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىر. قاتارلىقلار 1930-يىلىدىن بۇرۇن قاتاردا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئەرەبلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %40تىنى تەشكىل قىلىدۇ، قالغىنىنى باشقا دۆلەتلىك ئەرەبلەر، پارىسلار، ھىندىستانلىقلار ۋە پاكىستانلىقلار تەشكىل قىلىدۇ (يەنە ئاز ساندا بىلوجىلار، ئەنگلىيىلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار بار). قاتارنىڭ دۆلەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. دۆلەت دىنى ئىسلام دىنى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى سۈنئىي مەزھىپىنىڭ خاۋارىجلار تائىپىسىگە، ئاز بىر قىسمى شىئە مەزھىپىگە تەۋە.

  • مىلادى Ⅰ ئەسىردە، قاتارلىقلار بەھرەيىن قولتۇقىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، Ⅶ ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلېرىدا ئەرەب ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. 157-يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر بېسىپ كىرىپ، 1555-يىلى ئوسمان ئېمپرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. 1882-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1971-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1988-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • قاتارنىڭ نېفىت زاپىسى مول بولۇپ، ئومۇمىي زاپىسى 500 مىليون توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، دېڭىز بويلىرىدا مەرۋايىت ۋە بېلىق كۆپ چىقىدۇ. نېفىت كىرىمى پۈتكۈل دۆلەت كىرىمىنىڭ %95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان نېفىتنىڭ %95تى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. چارۋىچىلىقدا ئاساسىق تۆگە بېقىلىدۇ، دېھقانچىلىقىدا خۇرما ۋە كۆممەقۇناقنى ئاساس قىلىدۇ.

  • ئاساسلىق شەھەرلىرى: ① دۇھا، دۆلەتنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى، قاتارنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى. ② ئوم سەئىدى، قاتارنىڭ نېفىت تارقىتىش پورتى ۋە ئېغىر سانائەت مەزكىزى. ③ راسۋان، قاتارنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت شەھىرى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق بويىچە ئەڭ چوڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېكسپورت مەركىزى.

قاتاردا يوق

  • قاتاردا يوق[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن قالغان، ئېتىبارسىز:[مىسال:] دۇتار تارىسى ساتاردا يوق، بىلىمسىز كىشى قاتاردا يوق (ماقال).

قاتارغا قوشماق

  • قاتارغا قوشماق[يەشمىسى:] تەربىيىلەپ چوڭ قىلماق:[مىسال:] رەھىمە بىزنىڭ بىر تال قىزىمىز، بىز ئۇنى مىڭ تەستە ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشتۇق.

قاتار-قاتار

  • قاتار-قاتار[يەشمىسى:] بىرنەچچە قاتار:[مىسال:] مىڭئۆرۈك يېزىسى ئېتىدىنمۇ مەلۇم. يېزىدا مىڭغا يېقىن قاتار-قاتار ئۆرۈكلەر بار ئىدى.

قاتارلاشتۇرماق

  • قاتارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاتارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تەربىيىچى بالىلارنى ئىككىدىن قاتارلاشتۇرۇپ يولدىن دىققەت بىلەن ئۆتكۈزدى.

قاتارلاشماق

  • قاتارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاتارغا تىزىلماق، قاتار بولماق:[مىسال:] قاتارلىشىپ ئولتۇرماق.

قاتارلاتماق

  • قاتارلاتماق[يەشمىسى:] «قاتارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاتارلىق

  • قاتارلىق[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] باش كېلىشتىكى ئىسىملارغا تىركىلىپ كېلىپ «… دىن ئىبارەت، … دىن تەركىب تاپقان، … گە ئوخشاش» دېگەن مەنىدە: 1) ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن ئېنىقلانغۇچىنىڭ مىسالىنى ياكى ۋەكىلىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] بۇ يىغىنغا بىزنىڭ كافېدرادىن تۇرسۇن قاتارلىق بەش ئوقۇتقۇچى قاتناشتى.[يەشمىسى:] 2) بەزىدە ئالماشلىشىپ ئېنىقلانغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىپ كېلىدۇ:[مىسال:] غۇلجا باش شتابتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئاپتوموبىلى شتابنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا توختاپ، مايور مۆمىنوپ قاتارلىقلار شتابقا كىرىپ كەتتى.

قاتارلىنىشماق

  • قاتارلىنىشماق[يەشمىسى:] «قاتارلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاتارى

  • قاتارى[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] باش كېلىشتىكى ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ «… گە ئوخشاش، … بىلەن بىللە … كەبى، … بىلەن تەڭ» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەل قاتارى.

قاتارىدا

  • قاتارىدا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] باش كېلىشتىكى ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ 1) «...نىڭ تەركىبىدە، ...نىڭ ئىچىدە... گە ئوخشاش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن ئەسلىي مەكتەپكە باشقا ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا قوبۇل قىلىنغانىدىم. * باشقا سەپداشلار قاتارىدا سەنمۇ ئۇلارنىڭ چىشىغا خېلى تەگدىڭ.[يەشمىسى:] 2) «...نىڭ ئورنىدا، ...گە تەڭ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] «شەرقتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم» دېگەن بۇ كىتابنىڭ دەسلەپكى سەرگۈزەشتىلىرى ئانچە ياخشى بولمىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى رومان قاتارىدا كۆرۈپ ئوقۇپ، كىتابتا بايان قىلىنغان شەرق ئەھۋالاتلىرىغا ئانچە ئىشەنمىدى.

قاتاڭغۇر

  • قاتاڭغۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇق، قاتمال:[مىسال:] سەپەرقۇل بۇ ئوتتۇرا بوي، كەڭ غوللۇق، كەكە ساقال، قاتاڭغۇر كىشى بىلەن قۇچاقلىشىپ كەتتى.

قاتاڭغۇرلۇق

  • قاتاڭغۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇقلۇق، قاتماللىق ھالەت.

قاتتىق

  • قاتتىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ شەكلى ۋە ھەجمىنى ساقلىيالايدىغان، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ئاسانلىقچە ئېزىلمەيدىغان، سۇنمايدىغان، ئوشتۇلمايدىغان؛ مەھكەم، چىڭ:[مىسال:] قاتتىق نان. قاتتىق جىسىم. * ئاسمان يىراق يەر قاتتىق (ماقال). [يەشمىسى:] ② بەدەنگە، سىرتقى ئەزالارغا يۇمشاق ئۇرۇلمايدىغان، يۇمشاق ئەمەس:[مىسال:] قاتتىق خېمىر. قاتتىق ياستۇق. * بىر كۈن قاتتىق كارىۋاتتا يېتىپ ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلاپتىمەن. [يەشمىسى:] ③ كۆپ كۈچ، ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان، قىيىن، ئېغىر، جاپالىق:[مىسال:] قاتتىق ئىش. قاتتىق ئەمگەك. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] مەھكەم، پىششىق، چىڭ:[مىسال:] قاتتىق تۈگۈنچەك. قاتتىق تاسما. ∥ قاتتىق باغلىماق.⑤ [يەشمىسى:] سۈرئىتى، شىددىتى زور؛ كۈچلۈك، شىددەتلىك:[مىسال:] قاتتىق بوران. قاتتىق يامغۇر. قاتتىق سوغۇق. قاتتىق زەربە. قاتتىق جەڭ. قاتتىق ئۇرۇش.⑥ [يەشمىسى:] قۇلاققا ئۈنلۈك ئاڭلىنىدىغان، يۇقىرى، ياڭراق:[مىسال:] قاتتىق ئاۋاز. * شۇ ئارىدا، ئالدى تەرەپتىكى ئېدىرلىقتىن قاتتىق ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ قالدى.⑦ [يەشمىسى:] ئادەتتىكىدىن ئارتۇق دەرىجىدە، ھەددىدىن زىيادە، كۈچلۈك:[مىسال:] قاتتىق ئۇيقۇ. قاتتىق ئازاب. قاتتىق ھاياجان. ∥ قاتتىق چۆچۈمەك. قاتتىق شورىماق. قاتتىق ئېچىنماق. قاتتىق قورقماق. قاتتىق چارچىماق.⑧ [يەشمىسى:] جىددىي، شەپقەتسىز:[مىسال:] قاتتىق تەنقىد. قاتتىق جازا. ∥ قاتتىق تەنقىدلىمەك. قاتتىق ئاگاھلاندۇرماق.⑨ [يەشمىسى:] قەتئىي رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان، ئۆز مەيلىگە يول قويمايدىغان، رەت قىلىپ بولمايدىغان، مۇستەھكەم، بۇزۇلماس:[مىسال:] قاتتىق ئىنتىزام. قاتتىق تەرتىپ. قاتتىق تەلەپ.01 [يەشمىسى:] ئۆزگەرمەيدىغان، بەرقارار، مۇستەھكەم، قەتئىي:[مىسال:] قاتتىق ئىشەنچ. قاتتىق ئىرادە. ∥ ئۇ مۇنداق كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ.11 [يەشمىسى:] كىشىگە ئېغىر تۇيۇلىدىغان، كۆڭۈلنى رەنجىتىدىغان، شەپقەتسىز:[مىسال:] قاتتىق مۇئامىلە. قاتتىق ئاھانەت. قاتتىق گەپ.21 [يەشمىسى:] خەتەرلىك، ئېغىر، جىددىي:[مىسال:] قاتتىق كېسەل. ∥ ياسىن بۇ قېتىم قاتتىق ئاغرىغانىدى.31 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بېخىل، پىخسىق:[مىسال:] تۇردى ئاكام قاتتىق بىر ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەنلەرمۇ سوغۇق سۈيىگە ئېغىز تېگەلمەيدىكەندۇق.

قاتتىق تاڭلاي

  • قاتتىق تاڭلاي[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] تاڭلاينىڭ ئالدىنقى قىسمى. سۆڭەك بىلەن مۇسكۇلدىن تۈزۈلىدۇ.

قاتتىق تەگمەك

  • قاتتىق تەگمەك[يەشمىسى:] كۆڭۈلنى رەنجىتىدىغان، ئېغىر تۇيۇلىدىغان يامان گەپلەر بىلەن خاپا قىلماق، رەنجىتمەك، زەربە بەرمەك:[مىسال:] زوقى غەلىتە كىشىگە دەرھال قاتتىق تەگدى. * بۇ گەپلەر ئامبالنىڭ ئىززەت-نەپسىگە قاتتىق تەگدى.

قاتتىق تۇتماق

  • قاتتىق تۇتماق [يەشمىسى:] ① ئىختىيارىغا قويۇۋەتمەستىن چىڭ باشقۇرماق:[مىسال:] ئۇ خوتۇنىنى قاتتىق تۇتىدۇ. [يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش ياكى بىرەر ئورۇنغا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالماق:[مىسال:] قاسىم تۈنۈگۈن كەچ تىياتىر كۆرۈشكە قاتتىق تۇتقان بولسىمۇ، ئۆزرە ئېيتىپ قايتىپ كەلدىم.

قاتتىق سۆڭەك

  • قاتتىق سۆڭەك[يەشمىسى:] ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، چېنىققان:[مىسال:] قاتتىق سۆڭەك خىسلىتىڭ، يوق قىلچە نۇقسان-ئىللىتىڭ، ئەل قەلبىدىن پۈتمەس ئوزۇق ئالغان ئازادلىق ئارمىيەم.

قاتتىق قول

  • قاتتىق قول [يەشمىسى:] ① ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەيدىغان؛ تەلەپچان:[مىسال:] راست ئەمەسمۇ سەن ئوغۇللارغا نىسبەتەن بەكلا قاتتىق قول. [يەشمىسى:] ② رەھىمسىز، شەپقەتسىز:[مىسال:] بىز دۈشمەنگە نىسبەتەن قاتتىق قول بولۇشىمىز لازىم.

قاتتىق كۈن

  • قاتتىق كۈن[يەشمىسى:] ئېغىر، مۇشەققەتلىك تۇرمۇش:[مىسال:] بالىلىرىڭغا ئاش بېرەلمىسەڭ، دۇنيادا بۇنىڭدىن قاتتىق كۈن بارمۇ

قاتتىقچىلىق

  • قاتتىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۈشكۈلات، ئازاب-ئوقۇبەتكە تولغان ئېغىر ئەھۋال، قىيىنچىلىق، ئېغىرچىلىق:[مىسال:] بىز شۇ كۈنلەردە ئاشۇ قاتتىقچىلىقلاردىن قاچان قۇتۇلۇشىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمەيتۇق.

قاتتىق-قۇرۇق

  • قاتتىق-قۇرۇق [يەشمىسى:] ① قۇرۇپ قېتىپ قالغان؛ پارچە-پۇرات:[مىسال:] رەپقەت ئىشتىن كېيىن قاتتىق-قۇرۇق ناننى ھۇزۇرلىنىپ يەپتۇ. [يەشمىسى:] ② نازۇنېمەتلەر كەمچىل، غورىگىل:[مىسال:] جانابلىرى مۇبارەك قەدەملىرىنى بېسىپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەنلا، پېقىر قاتتىق-قۇرۇقلا ئۇزىتىپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. [يەشمىسى:] ③ كۆڭۈلگە قاتتىق تېگىدىغان، قوپال، قاتتىق (مۇئامىلە، گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئەمەلىيەتتىمۇ سانىخان توختىنىڭ مۇنداق قاتتىق-قۇرۇق گەپلىرىنى كۆتۈرەلمەيتتى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] مۇھىم بولمىغان، ئۇششاق-چۈششەك، پارچە-پۇرات (ئىش، خىزمەت ھەققىدە):[مىسال:] ئانىنىڭ قۇربى يەتمەيدىغان نۇرغۇن ئېغىر قاتتىق-قۇرۇق ئىشلارنى نىجات قىلىپ بېرەتتى.

قاتتىقلاشتۇرماق

  • قاتتىقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاتتىقلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاتتىقلاشماق

  • قاتتىقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قاتتىق ھالەتكە كەلمەك، قاتتىق بولماق، قاتماق:[مىسال:] بۇنىڭدا جىنسىي ئەزا، تىل ۋە لەۋ قاتارلىقلاردا جاراھەت پەيدا بولىدۇ، ھەمدە كېسەل ئۇچۇقىنىڭ ئاستى قىسمى قاتتىقلىشىدۇ. [يەشمىسى:] ② ئېغىرلاشماق، قىيىنلاشماق:[مىسال:] قىشتا سۇ قۇرۇلۇشىدىكى ئىشلار بارغانسېرى قاتتىقلىشىپ نۇرغۇن كىشىلەرگە ھارغىنلىق چۈشتى.

قاتتىقلىق

  • قاتتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەھىمسىزلىك، بېخىللىق ئادەت؛ مىجەز:[مىسال:] ياش ۋاقتىدا ياخشىلىق قىلمىغان، قېرىغاندا قاتتىقلىق كۆرەر (ماقال). * سىزنىڭ قىلغان مۇنداق قاتتىقلىقىڭىز مېنى ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدۇردى.

قاتتىق-يۇمشاق

  • قاتتىق-يۇمشاق [يەشمىسى:] ① قاتتىق ۋە يۇمشاق:[مىسال:] قاتتىق-يۇمشاق نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرىۋېتىپتۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوپال ۋە سىلىق:[مىسال:] ئەكبەرنى خاتالاشتۇرغانمۇ مەنسۇر، ئۇ ياش ۋە ساغلام يىگىتنى قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزىگە تارتىۋالغان

قاتتىق-يىرىك

  • قاتتىق-يىرىك [يەشمىسى:] ① قاتتىق ھەم يىرىك، يۇمشاق ئەمەس:[مىسال:] ياخشى ئۇخلالمىدىڭىز، ئورنىڭىز قاتتىق-يىرىك بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن. [يەشمىسى:] ② قوپال ۋە يېقىمسىز:[مىسال:] نىزامغا باشلىقنىڭ قاتتىق-يىرىك گەپلىرى ھەممىدىن بەك ئېغىر كەلگەنىدى. [يەشمىسى:] ③ ئېغىر ۋە جاپالىق:[مىسال:] قاتتىق-يىرىك ئىشلاردا پىشىپ ئۇستىخىنى قاتقان قادىر ئۆزىدە تاغنى تالقان قىلىدىغان كۈچ-مادارنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغانلىقىنى سېزەتتى.

قاتراتماق

  • قاتراتماق[يەشمىسى:] «قاترىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باشلىق بىلەن ئوخشاشلا تورۇق قاشقا ئاتقا مىنگەن ۋە ئوخشاش جابدۇنغان يەنە بىر قوغدىغۇچىمۇ ئېتىنى تەڭ قاترىتىپ ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن قالماي باراتتى.

قاتراشماق

  • قاتراشماق[يەشمىسى:] «قاترىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھازىر خەلقنى ئالداپ ئۆزلىرىگە رام قىلىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاترىشىۋاتىدۇ.

قاتراڭ

  • قاتراڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېتىپ كەتكەن:[مىسال:] ئۇلار ئولتۇرغان مەپە لەڭگەر كوچىسىدىكى قاتراڭ يولدا سىلكىنىپ كېتىپ باراتتى.

قاتراڭغۇ

  • قاتراڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇق، قاتمال:[مىسال:] ئابدۇغېنى قاتراڭغۇ قوللىرى بىلەن توختامنامىنى ئامبۇردەك قىسقان پېتى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، گاچ-گاچ دەسسەپ چىقىپ كەتتى.

قاتراڭغۇلۇق

  • قاتراڭغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇق، قاتمال ھالەت، قاتماللىق.

قاترىماق

  • قاترىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① ئادەتتىكىدىن ئىتتىكرەك، يۈگۈرگەندىن ئاستىراق ھالەتتە ماڭماق؛ سوكۇلدىماق:[مىسال:] مەن ماشىنىنىڭ كەينىدىن قاتراپ «بۇتخانا» ئالدىغىچە كەلدىم. [يەشمىسى:] ② قاتنىماق، بېرىپ-كېلىپ يۈرمەك:[مىسال:] ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا كەسپىي ئۇنۋان بېرىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەندىن كېيىنلا، مەنمۇ كەچلىرى كۈتۈپخانىغا قاتراشقا مەجبۇر بولدۇم.

قات-قات

  • قات-قات[يەشمىسى:] بىرنەچچە قات، قاتمۇقات:[مىسال:] دەردى يوق دەمسەن مېنى، دەردىم ئىچىمدە بىر تۇلۇم. شامەخسۇت زامانىدا، قات-قات كەلدى بۇ زۇلۇم.

قاتقۇزماق

  • قاتقۇزماق[يەشمىسى:] «قاتماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باشلىق كەلگۈچە مەن ئاتنى ھارۋىغا قاتقۇزۇپ تەق قىلىپ قويدۇم.

قات-قېتى

  • قات-قېتى[يەشمىسى:] ئۈستىدىكى قاتلامدىن تارتىپ ئەڭ ئاستىنقى قاتلىمىغىچە بولغان ھەممە قېتى، پۈتۈن جايى:[مىسال:] يۈرىكىنىڭ قات-قېتىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان ئاچچىق ياشلىرى ئۇنىڭ كىر بولۇپ كەتكەن كۆڭلىكىنى يۇماقتا ئىدى.

قاتقىلاق

  • قاتقىلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددىلار كەم بولۇش تۈپەيلىدىن تۈزۈلۈشى ناچارلىشىپ، سۇغارغاندىن ياكى يامغۇر ياغقاندىن كېيىن ئۈستى قىسمى قېتىۋېلىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەسلىكى.

قاتكۆك

  • قاتكۆك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قات+كۆك[[يەشمىسى:] «كاللەكبەسەي»گە قاراڭ.

قاتلاتماق

  • قاتلاتماق[يەشمىسى:] «قاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن بېرىپ قەغەزلەرنى چىرايلىق قاتلىتىپ قوياي، سىز ئەتە بېرىپ ساناپ ئېلىپ كېتىڭ.

قاتلاشماق

  • قاتلاشماق [يەشمىسى:] ① «قاتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار لوزۇنكىلىرىنى قاتلىشىپ، قايتىشقا تەييارلانغانىدى. [يەشمىسى:] ② پۈرلەشمەك، قات ھاسىل بولماق:[مىسال:] ئۇنىڭ بېشىنىڭ سوقىچىقىمۇ يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ئېڭەك گۆشلىرى ساڭگىلاپ، يۇتازىدەك قاتلىشىپ قالغانىدى. [يەشمىسى:] ③ قايرىلىپ پۈكلەنمەك، پۈكلىنىپ قالماق:[مىسال:] دۈمبىسىدىكى يۈكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن بولسا كېرەك، تىزى قاتلىشىپ، لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.

قاتلاق

  • قاتلاق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتلانغان ھالەتتىكى، قاتلانغان:[مىسال:] قاتلاق يوپكا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ قاتلانغان جايى:[مىسال:] بوۋاي بايراقنى قاتلىقىدىن چۈشۈرۈۋاتقاندا سول تەرەپتىكى قومۇشلۇق چىغىر يولدىن ئەپكەش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان جامال ئۇنى كۆرۈپ قالدى.

قاتلاقلىق

  • قاتلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتلىقى بار، قاتلانغان، قاتلاپ قويۇلغان:[مىسال:] ئەمەت ئىشكاپتىكى تۆت قاتلاقلىق خەرىتىنى ئالدى ۋە شىرە ئۈستىگە يېپىپ ئاچتى. ∥ يەنە بىر چەتتە گېزىت ۋە ژۇرناللار رېتى بىلەن قاتلاقلىق تۇراتتى.

قاتلام

  • قاتلام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① مەلۇم قېلىنلىقتىكى ياكى قات-قات ھالەتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قەۋىتى، قېتى:[مىسال:] ئاتموسفېرا قاتلىمى. مۇز قاتلىمى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەركىبى ئاساسەن بىر خىل بولغان چۆكۈندىلەردىن ئىبارەت تاغ جىنسلىرى قەۋىتى:[مىسال:] ھاك قاتلىمى. كۆمۈر قاتلىمى. شېغىل قاتلىمى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەت ۋە بەلگىلىرىگە ئاساسەن بىرلەشكەن گۇرۇپپىسى، توپى؛ تەبىقە:[مىسال:] زىيالىيلارنىڭ قاتلىمى. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەۋەلىك مۇناسىۋىتى جەھەتتىن بۆلۈنگەن ھەر دەرىجە:[مىسال:] ئاساسىي قاتلام. * مەكتىپىمىزدىكى ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

قاتلام-قاتلام

  • قاتلام-قاتلام[يەشمىسى:] بىرقانچە قاتلامدىن ئىبارەت بولغان، قاتلاملىرى ئۈستمۇئۈست ئورۇنلاشقان:[مىسال:] كىمنىڭ كۈچى يەتسە، قانچە ئېلىۋەرسىمۇ، ھېچكىم ئىستەك-سوراق قىلمايدىغان بۇ ھىممەتلىك بايلىق قازغاندا خۇددى قاتلام-قاتلام تاغ جىنسلىرىغا ئوخشاش يوتقاندەك، پالاستەك كۆمەل بولۇپ قومۇرۇلۇپ چىقاتتى.

قاتلاملىق

  • قاتلاملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتلاملىرى بار، قاتلاملارغا بۆلۈنگەن:[مىسال:] قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ مەمۇرىي تۈزۈمى ئەينى چاغدىكى كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ شەكىللىك ئىجتىمائىي تۈزۈمگە ئۇيغۇنلىشىش ئېھتىياجى بىلەن تىكلەنگەن.

قاتلاممۇقاتلام

  • قاتلاممۇقاتلام[يەشمىسى:] قاتلاملار بويىچە، ھەممە قاتلاملاردا:[مىسال:] بۇ چارە قاتلاممۇقاتلام مۇزاكىرە قىلىنىپ، يېزا-كەنت كادىرلىرىنىڭ ۋە كەڭ ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

قاتلانماق

  • قاتلانماق [يەشمىسى:] ① «قاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ تىترەۋاتقان قولى بىلەن يانچۇقىدىن قاتلانغان ياغلىقىنى ئالدى. [يەشمىسى:] ② پۈكۈلمەك، پۈكلەنمەك؛ پۈرۈلمەك، قورۇلماق:[مىسال:] قادىرنىڭ بويۇن گۆشلىرى ئۆكۈزنىڭكىدەك قاتلىنىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا «بۇقا» دەپ لەقەم قويۇشقانىدى. [يەشمىسى:] ③ ھەسسىلەنمەك، ھەسسە كۆپەيمەك:[مىسال:] ھەش-پەش دېمەستە بالىنىڭ يېشى ئۈچ قاتلاندى.

قاتلىشاڭغۇ

  • قاتلىشاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتلىشىپ تۇرىدىغان، قاتلاشقاندەك كۆرۈنىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ قاتلىشاڭغۇ سولغۇن قاپاقلىرى يېپىۋالغان ياشاڭغۇ كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى غۇۋا چاقناپ تۇراتتى.

قاتلىق

  • قاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېتى بار، قاتلانغان.

قاتلىما

  • قاتلىما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتلىنىدىغان، قاتلىغىلى بولىدىغان:[مىسال:] قاتلىما كارىۋات. قاتلىما ئورۇندۇق. قاتلىما ئۈستەل. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتلانغان، قاتلىنىپ پۈرۈلگەن:[مىسال:] تەر ئۇنىڭ گۆشلۈك مەڭزىدىن قاتلىما ئېڭىكىگە ئېقىپ چۈشۈۋاتاتتى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېمىرنى نېپىز ئېچىپ، ئۈستىگە ياغ سۈرتۈپ، ئاندىن ئۇنى قەۋەتمۇقەۋەت قاتلىغاندىن كېيىن نېپىزرەك ئېچىپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل تەملىك نان:[مىسال:] ئەپەندىم بازارغا كېلىپ خوتۇنىغا: خوتۇن، ئەتە ئۆيگە مېھمان كېلىدىغان بولدى، ئوخشىتىپ قاتلىما ياققىن، دەپ بۇيرۇپتۇ.

قاتلىماق

  • قاتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قەغەز، رەخت ۋە شۇ قاتارلىق نېپىز، يۇپقا نەرسىلەرنى پۈكلەپ قەۋەتلىمەك:[مىسال:] ئۇ تاغارلارنى قائىدە بويىچە قاتلاپ، تۆمۈر كوزۇپنىڭ ئىچىگە ئىرغىتىپ تاشلىدى. [يەشمىسى:] ② ھەسسىلىمەك، ھەسسىلەپ ئاشۇرماق، ئارتقۇزماق:[مىسال:] بىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىمىزنىڭ ئومۇمىي كۈرەش نىشانىسى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش شەرتى ئاستىدا، مەملىكەت بويىچە سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 2000-يىلىغا بارغۇچە ئىككى قاتلاشتىن ئىبارەت. [يەشمىسى:] ③ قىسقارتماق:[مىسال:] ئۇندا ئىشچان كىشىلەر دادىل ئالغا ئاتلايدۇ، يىللىق ئىشنى-سۈرئەتنى ھەپتە، ئايغا قاتلايدۇ. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياپماق، يېپىپ قويماق؛ تاشلىماق، بولدى قىلماق:[مىسال:] ئۆمۈر زىخلاشتى دەپ ھەرگىز ئوقۇشنى قويمىغىن قاتلاپ، ياشانغاندا بىلىمدەك يارىشار ھېچ نەرسە يوق ئى يار.

قاتما Ⅰ

  • قاتما Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتقان:[مىسال:] قاتما كۈل جىنس. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېتى قاچقان، ئورۇق:[مىسال:] ئۇ چېكە چاچلىرىغا ئاق كىرگەن، 50 ياشلار چامىسىدىكى قارىمۇتۇق، قاتما كەلگەن ئادەم ئىدى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى ھايۋانات قالدۇقلىرى، يادىكارلىقلار ياكى ئىزلارنىڭ يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان تاشقا ئوخشاش نەرسىلىرى.

قاتماⅡ

  • قاتماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆتكۈر يۇقۇملۇق بىر خىل كېسەل. بۇنىڭدا دەسلەپ يۈز مۇسكۇللىرى سپيازمىلىنىش، چىش كىرىشىش، يادەك غادىيىپ قېلىش، ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى تارتىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغانلىرى ئۆلۈپمۇ كېتىدۇ.

قاتماقⅠ

  • قاتماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قاتتىق ھالەتكە كەلمەك، قاتتىق بولماق؛ سۇيۇق ياكى يۇمشاق ھالىتىنى يوقىتىپ قاتتىقلاشماق:[مىسال:] شوپۇر بىلەن مەن زەي شېغىل ئۈستىدە قېتىپ كەتكەن برېزېنتنى يېپىنچا قىلىپ ياتتۇق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سوغۇقتىن مۇزلاپ ئۇيۇشۇپ كەتمەك، توڭۇپ كەتمەك، توڭلىماق:-[مىسال:] پۇتلىرىم قېتىپ كەتتى، ئازراق ماڭايلى، توڭلاپ ئۆلمەيلى يەنە-دېدى ئۇ ئولتۇرغانلارغا يالۋۇرۇپ. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قورقۇش ياكى ھەيران بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىمجىت تۇرۇپ قالماق، بىر ئىزدا شۈكلا توختاپ قالماق:[مىسال:] ئۇ «پىچاقنى تاشلا، قولۇڭنى كۆتۈر» دېگەن ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن قېتىپلا قالدى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] ئېگىلىشچانلىقىنى، ئەۋرىشىملىكىنى يوقاتماق:[مىسال:] ئۆز ئورنۇمغا بېرىپ تاش چېقىشقا باشلىدىم. سائەت ئون بولغان مەزگىللەردىلا بەللىرىمنىڭ قېتىپ قالغانلىقىنى سەزدىم.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چېنىقىپ پىشماق، مۇستەھكەملەنمەك، مەزمۇتلاشماق:[مىسال:] سۆڭىكى قاتماق. * مۇسكۇللىرىڭ ئەينى گاڭ، تاشتەك مەھكەم قېتىپتۇ. بارلىق مەيدان ئەھلىمۇ، سېنى ماختاپ كېتىپتۇ.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېلىقماق:[مىسال:] مەن ئۇلارغا ئەھۋالنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم، ئۇلار كۈلۈپ قېتىپ قېلىشتى.⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشلىمەي، پىكىر قىلالماي قالماق؛ سەزگۈرلۈكىنى، ئۆتكۈرلۈكىنى يوقاتماق (باش ھەققىدە):[مىسال:] بېشىڭ قاتسا، تامغا ئۈس (ماقال).[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى ئېسىل ياسانماق، پۇزۇر ياسىنىپ ئۆزىنى چوڭ كۆرسەتمەك:[مىسال:] شۇنداق، سىز باي، شۇڭا قېتىپ يۈرىسىز، بىراق سىزنى مۇنداق قېتىپ يۈرۈشكە سازاۋەر قىلغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز-دە، بىچارە...[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەرق بولماق، ھېچنېمىنى سېزەلمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالماق (ئۇخلاش ھەققىدە):[مىسال:] غەملەرگە پېتىپ قاپتۇ. ئۇخلاپمۇ قېتىپ قاپتۇ.

قاتماقⅡ

  • قاتماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قوشماق، بىرلەشتۈرمەك ياكى ئارىلاشتۇرماق:[مىسال:] ئىسپىرتقا سۇ قاتماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىستۇرماق، ئارىلاشتۇرماق، قوشماق (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] سىز ئۆزىڭىز، ئۇ ئەترەت باشلىقىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ئۈن قاتتى، بىر ئوبدان كىچىكئاخۇننىڭ ئىسمىنى «لەقۋا»غا ئۆزگەرتىپ قويغان سىز ئۆزىڭىز...[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توقۇماق؛ ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئوقۇماق، تۈزمەك (قوشاق، نەزمە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئىككى كۈندىن كېيىن راجى بالىنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولغانلىقى تاغقا ئاڭلاندى. كىمدۇر بىرى دەرھاللا ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن قوشاق قاتتى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] ئات، ئېشەك قاتارلىق ئەمگەك ھايۋانلىرىنى ھارۋا، قوش قاتارلىق ئەمگەك قوراللىرىغا تەرتىپ بويىچە كىرگۈزۈپ، قائىدىلىك جايلاشتۇرماق، ئورۇنلاشتۇرماق، قوشماق:[مىسال:] ئەخمەتجان دەپ توۋلىدى قىز، دەرھال ئۆيگە بېرىپ دادامغا ئېيتە، ئېشەك ھارۋىسىنى قېتىپ كەلسۇن.

قاتمال

  • قاتمال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① قېتىپ قالغان، قوپاللىشىپ قالغان، جۈدەڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ قورۇق قاپلىغان قاتمال يۈزىنى غەمكىنلىك، ۋۇجۇدىنى كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل غەشلىك قاپلىۋالغانىدى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر ئىزدا توختاپ قالغان؛ ئۆزگەرمەس، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان، جاھىل:[مىسال:] ھازىر بوۋاملارنىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى. سەنزە ئاكامنى بوۋامنىڭ شۇ قاتمال قاراشلىرىنىڭ قۇربانى بول دېمەكچىمۇ

قاتماللاشتۇرماق

  • قاتماللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاتماللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر ئوبدان داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتنى يېڭىدىن كەلگەن ھېلىقى ۋەكىل بىردىنلا قاتماللاشتۇرۇپ قويدى.

قاتماللاشماق

  • قاتماللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاتمال ھالەتكە كەلمەك، قاتمال بولماق:[مىسال:] بىرەر پارتىيە، بىرەر دۆلەت ياكى بىرەر مىللەت ھەممە ئىشتا كىتابتىكىگىلا ئاساسلىنىپ، ئىدىيە جەھەتتە قاتماللىشىپ قالسا، ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ.

قاتماللىق

  • قاتماللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتمال ھالەت، قېتىپ قالغانلىق:[مىسال:] ئاۋۋال كاللىدىكى قاتماللىقنى، ئاندىن ھاياتتىكى قاتماللىقنى بۇزۇش زۆرۈر.

قاتمۇقات

  • قاتمۇقات [يەشمىسى:] ① قەۋەت-قەۋەت، قاتلاممۇقاتلام:[مىسال:] سۇ سۈزۈك، گۈل گۈزەل، تاغلار قاتمۇقات، ھاياتلىق مەنبەسى بولغاچقا تۇپراق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، ئىنتايىن جىق، ئارتۇق:[مىسال:] ئىش كۆپ، ئادەم كۈچىمىز ئاز بولغاچقا، قىيىنچىلىقىمىزمۇ قاتمۇقات ئىدى.

قاتناتماق

  • قاتناتماق[يەشمىسى:] «قاتنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى يىلدىن بېرى نەچچە بىچارىنى تىنماي قاتنىتىپ ئاۋارە قىلغىنى يەتمەمدۇ

قاتناش

  • قاتناش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① يۈك ۋە يولۇچى توشۇش ئىشلىرى؛ ترانسپورت:[مىسال:] قاتناش قوراللىرى. قاتناش بىخەتەرلىكى. قاتناش قائىدىسى. قاتناش ساقچىسى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ترانسپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئۇنى باشقۇرىدىغان ئورۇن، تارماق:[مىسال:] ھېلىقى جۇۋاينىمەكنى مەن ئوبدان بىلىمەن. ئىسمى مەردان، لەقىمى «جەرەن»، شەھەرلىك قاتناشتا شوپۇر. ھەممىلا ئادەمنىڭ جېنىغا تەگكىنى تەگكەن، دېدى ھەجەر.

قاتناش-ترانسپورت

  • قاتناش-ترانسپورت[يەشمىسى:] قاتناش ۋە ترانسپورت:[مىسال:] قاتناش-ترانسپورت ۋە پوچتا-تېلېگراف ئىشلىرى تەڭشەش داۋامىدا مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

قاتناشتۇرماق

  • قاتناشتۇرماق [يەشمىسى:] ① «قاتناشماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۆزىگە چىن دىلىدىن خىزمەت قىلىۋاتقان ياش ئايالىنى ئوقۇتتى، خىزمەتكە قاتناشتۇردى. [يەشمىسى:] ② ئېيتماق، بەرمەك، بايان قىلماق:[مىسال:] ئۇلار بۇ توغرىدا بولۇنغان مۇھاكىمىلەرگە پىكىر قاتناشتۇرۇپ ئۇزۇن پاراڭلاشتى.

قاتناشتۇرۇشماق

  • قاتناشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قاتناشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاتناشتۇرۇلماق

  • قاتناشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاتناشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ كۇرسلارغا بىر يىل ئىچىدە 2840 تىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى قاتناشتۇرۇلدى.

قاتناشقۇچى

  • قاتناشقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشتىراك قىلغۇچى، داخىل بولغۇچى (يىغىن، سۆھبەت، زىياپەت قاتارلىقلارغا):[مىسال:] يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىنى چوڭقۇر ئويلاپ ئولتۇراتتى.

قاتناشماقⅠ

  • قاتناشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىشتىراك قىلماق، قەدەم تەشرىپ قىلماق؛ كىرمەك، قوشۇلماق:[مىسال:] سۇپىتاي بىلەن مىجىت كۈندۈزدىكى تويغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، كەچكى ئولتۇرۇشقا قاتناشتى.

قاتناشماقⅡ

  • قاتناشماقⅡ[يەشمىسى:] «قاتنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھازىر ئۇلار ئۆز گۇناھىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىگە پاناھ بولىدىغانلارنى ئىزلەۋاتىدۇ.

قاتنىماق

  • قاتنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەكرار بېرىپ-كەلمەك، يۈرۈپ تۇرماق، ئۇ يان-بۇ يانغا ئۆتمەك؛ ماڭماق؛ ئۇچماق:[مىسال:] ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ.

قاتۇرما

  • قاتۇرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىمنىڭ سۈپەتلىك ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ئىككى مۈرىگە قويۇلىدىغان ھەمدە پاختا سارۇچكا قاتارلىقلاردىن ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە تەييارلىنىدىغان بىر خىل بۇيۇم:[مىسال:] ئۆزگىرىش چوڭ، ئىشلار ئالدىراش، يوقلاپ كېلەلمىدىم، دېدى جۈمە مۈرىسىگە قاتۇرما قويۇلغان زەڭگەر دىكا چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ.

قاتۇرماق

  • قاتۇرماق [يەشمىسى:] ① «قاتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىگەن-كەچتە قار ئۇچقۇنلىرى بىلەن ئاقۇچ تۇمانغا ئايلانغان شىۋىرغان ھەممە يەرنى ساپالدەك قاتۇرۇۋېتەتتى. [يەشمىسى:] ② تىكلىمەك، ئورناتماق؛ توختاتماق:[مىسال:] بىز تاش بىلەن قەبرە قاتۇرۇپ، ئۈستىگە قىزىل لاتا بىلەن كىچىك بايراقچە قادىدۇق.

قاتۇرۇشماق

  • قاتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قاتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بەزىدە كېچە-كېچىلەپ خەمىتنىڭ ئۆيىدە خېمىيە پېنى ئۈستىدە، ماددىلارنىڭ تەركىبى، تۈزۈلۈشى، بىرخىل ماددىنىڭ ئىككىنچى بىرخىل ماددىغا ئايلىنىش قانۇنىيەتلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە باش قاتۇرۇشاتتى.

قاتۇرۇلماق

  • قاتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باخۇلياڭ گۆرىستانلىقىدا ئۇنىڭغا مەخسۇس سېمونت قەبرە قاتۇرۇلدى.

قاتىرىغا

  • قاتىرىغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [يەشمىسى:] ① بىر-بىرلەپ، بىر قاتار قىلىپ، يانمۇيان:[مىسال:] ئۆينىڭ تۆت تېمىغا داھىيلارنىڭ سۈرەتلىرى قاتىرىغا چاپلانغانىدى. [يەشمىسى:] ② كەينى-كەينىدىن، بىرلا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۈزۈلمەي، بىرخىل ھەرىكەت بىلەن:[مىسال:] تاماقتىن كېيىن تاماشا سارىيىدا ئويۇن كۆرسىتىلدى. بىرلەشكەن ساز، قوشما غەزەللەر، يالغۇز ۋە قوشما ئۇسسۇللار توختىماي قاتىرىغا داۋام قىلدى.

قاتىل

  • قاتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى:[مىسال:] ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەن ئاق كۆڭۈل قىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن قاتىل مەن ئۆزۈم …

قاتىلاڭ

  • قاتىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جىددىي، ئالدىراش، جىددىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان:[مىسال:] بۇ كۈنلەر قاتىلاڭ چاغلار تۇرسا، قانداق ئادەم تېلېفۇن قېشىدا ئولتۇرىدۇ

قاتىلاڭچىلىق

  • قاتىلاڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىددىي، قاتىلاڭ ھالەت، ئالدىراشچىلىق:[مىسال:] قاتىلاڭچىلىقتا چاچ-ساقىلىنى ئالدۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن بۇ ئادەم مەشۇرنىڭ خىيالىدا رىۋايەتلەردىكى خىزىرنى ئەسلىتەتتى.

قاتىللىق

  • قاتىللىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشى:[مىسال:] شاھ ئالدىدا سىرنىڭ تەكتىنى، ئەينى پېتى ئەيلەپتۇ بايان. قاتىللىقنىڭ چىگىش تۈگۈنى، شاھ كۆڭلىدە بولۇپتۇ ئايان. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ياكى شۇ مەقسەتتە ياسالغان:[مىسال:] قاتىللىق قىلىچىنى چىقىرىپ ياندىن، قەستلىدى ۋەتەننى قانغا بوياشقا، بولۇشتى بۇزماقچى گۈل بېغىمىزنى، زۇلمەت ھۇۋقۇشىنى چىللاپ بۇ ياققا.

قاچا

  • قاچا [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غىزا، تاماق ئۇسۇلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى، كۆپىنچە چىنىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسا، ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى قاچىلاپ، ئېلىپ قويغىلى بولىدىغان ئىچى بوش نەرسە:[مىسال:] ئۇلار ئەمدى پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي، ئۆز-ئۆزىگە ئۆكۈنۈشۈپ ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] تىكىش ماشىنىسىنىڭ بىر ئۇچى بوي ئوقىنىڭ بىر دولىسىغا، بىر ئۇچى چىش ئارقىلىق سۈرۈش ئوقىغا تۇتىشىپ رەختنى ماڭدۇرۇپ بېرىدىغان سايمىنى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قارنى ئېچىپ ھالى قالمىغان ھۇرۇنلار پۇل چىقىرىشىپ بىر نان، بىر قاچا قېتىق سېتىۋاپتۇ.

قاچار

  • قاچار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەڭز، يۈز.

قاچاق

  • قاچاق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاچقان، قېچىپ يۈرگەن:[مىسال:] قاچاق ئەسكەر. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاچقۇن:[مىسال:] ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ: مەن ۋاپاسىزلىق قىلىپ قويغان بىر قاچاق ئىدىم، جانابلىرىنىڭ ئىلتىپاتى سايىسىدە ياشاپ قالدىم، دېدى.

قاچاقلىق

  • قاچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېچىپ يۈرگەن يەردىكى، شارائىتتىكى ھايات، قېچىش، قېچىپ يۈرۈش:[مىسال:] ئۇنىڭ 20 يىللىق ئۆمرى قاچاقلىقتا ئۆتتى.

قاچا-قومۇچ

  • قاچا-قومۇچ[يەشمىسى:] «قاچا-قۇچا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئەرلەر سۆھبەتكە، رابىيەم ھەرىكەتكە چۈشتى. ئۇ قاچا-قومۇچلارنى جايلاپ بولغاندىن كېيىن لېگەندە لىق ئۈزۈم كۆتۈرۈپ كىردى.

قاچا-قۇچا

  • قاچا-قۇچا[يەشمىسى:] قاچا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ مەكتەپتىن كېلىپلا ئالدىراپ-تېنەپ تاماق ئېتىپ، قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ياكى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە ياكى كىتاب ئوقۇشقا باشلايتتى.

قاچان

  • قاچان[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [يەشمىسى:] ① قايسى ۋاقىتتا، قايسى چاغدا:[مىسال:] سىلەر قاچان دېسەڭلار، شۇ چاغدا توي بولسۇن، دېدى ئۇ. [يەشمىسى:] ② جۈملىدە خەۋەر بولۇپ كېلىپ «ناھايىتى ئۇزاق بولدى، كۆپ ۋاقىت بولدى» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] مەن كەلگىلى قاچان، سىز مانا ئەمدى كېلىپسىز.

قاچانقى

  • قاچانقى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] قايسى ۋاقىتتىكى، قايسى چاغدىكى:[مىسال:] قاچانقى گەپنى قىلىسىز، دېدى ھېلىقى كىشى سېمىز قورساققا ھومىيىپ.

قاچانلىكى

  • قاچانلىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] قايسى چاغدا، قايسى ۋاقىتتا، قاچان:[مىسال:] ئۇنىڭغا قاچانلىكى قارىسىڭىز، ئەنە شۇنداق ياسىنىپ، گىدىيىپ يۈرىدۇ.

قاچانىكى

  • قاچانىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] «قاچانلىكى»گە قاراڭ:[مىسال:] سەن قاچانىكى مەن قويغان يەردىن تاشنى ئېلىپ كەمبەغەلنىڭ كۆزىگە ئېتىپ قۇيۇۋەتسەڭ، مېنىڭ ساڭا گېپىم يوق.

قاچ-قاچ

  • قاچ-قاچ[يەشمىسى:] بىرەر ئەندىشە ياكى ۋەھىمە سەۋەبىدىن بىرەر جايدىكى ئاھالىنىڭ تەرەپ-تەرەپكە قېچىش ھادىسىسى، قېچىش ۋەقەسى:[مىسال:] قاچ-قاچ بولغان ئاخشىمى ھېچكىم سۇ ئېلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.

قاچقاق

  • قاچقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاچىدىغان، قېچىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن؛ قېچىشقا ماھىر:[مىسال:] سىز بىر قاچقاق، نېرى-بېرى ماڭا تىل ئۇچىدا بىرنېمە يازغاندەك بولۇپ قاچتىڭىز.

قاچقاقلىق

  • قاچقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېچىپ يۈرىدىغان مىجەز، خۇي:[مىسال:] قاچقاقلىق ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى.

قاچقۇن

  • قاچقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① جازا ياكى جازا ئورنىدىن، تۇتقۇنلۇقتىن قېچىپ، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن كىشى؛ قاچاق:[مىسال:] يوشۇرۇن پوست ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ھوقۇقىغا بىنائەن قاچقۇنلارغا ئاپتوماتتىن ئوت ئاچتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۆز مەيلىچە قىسىمدىن ئايرىلغان ياكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قاچقان ئەسكەر:[مىسال:] ياق، مەن ئۇ تەرەپكە بارمايمەن، مەن قاچقۇنمەن. ∥ بۇ شايكىغا قاچقۇن ئەسكەرلەر ۋە كونا ساقچىلارمۇ كېلىپ قوشۇلدى. [يەشمىسى:] ③ ئۆز بۇرچىنى، زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى بېجىرىشتىن باش تارتىپ ياكى بىرەر ۋەھىمىدىن قورقۇپ قاچقان كىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى قاچقۇن-خائىن بولۇپ چىقتى.

قاچقۇنلۇق

  • قاچقۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوشۇرۇنۇش، قېچىپ يۈرۈش ھالىتى:[مىسال:] ئەمدى ئۇققانسەن، ئاكا، مەن قاچقۇنلۇقتا يۈرگەن بىر ئادەم. تەقدىر مېنى يەنە نېمە كويلارغا سالىدۇ، بىلمەيمەن.

قاچماق

  • قاچماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① خەۋپ-خەتەردىن، ۋەھىمىدىن ساقلىنىش ياكى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش، قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ ئۇلاردىن يىراقلاشماق، باشقا يىراق بىرەر تەرەپكە ماڭماق:[مىسال:] ئىچ مايماقنى ئېلىپ قاچ، تاش مايماقنى تاشلاپ قاچ (ماقال). [يەشمىسى:] ② ئۆزىنى چەتكە ئالماق، يىراقلاشماق:[مىسال:] ياخشىغا يانداش، ياماندىن قاچ (ماقال). * ئىماملىقتىن قاچ، مەزىنلىكنى تالاش (ماقال).[يەشمىسى:] ③ تۈرمە، سولاق قاتارلىقلاردىن بىلدۈرمەي، يوشۇرۇنچە قۇتۇلۇپ چىقماق:[مىسال:] بۇ كىشى تۈرمىدىن قاچقان كىشىگە ئوخشاپ تۇراتتى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] يىراقلاشماق؛ نېرى كەتمەك:[مىسال:] مەركەزدىن قېچىش كۈچى. * تام سەل قېچىپ قاپتۇ. تىرەك قويۇپ قويۇڭلار.⑤ [يەشمىسى:] مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك، ئاجرالماق، ئۆزىنى تارتماق:[مىسال:] ئۇ بارغانسېرى بىزدىن قېچىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى مەنمۇ بىلمەي قالدىم.⑥ [يەشمىسى:] مەسئۇلىيەت ياكى شۇ قاتارلىقلارنى تەرك ئەتمەك، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتماق، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆزىنى چەتكە ئالماق:[مىسال:] بۇ جاۋابكارلىقتىن قېچىش، دېدى قاسىم يەر ئاستىدىن باشلىققا قاراپ غۇدۇراپ.⑦ [يەشمىسى:] يوقالماق، يوق بولماق، كەتمەك؛ كېمەيمەك، ئازايماق، دەرىجە جەھەتتە تۆۋەنلىمەك:[مىسال:] تاۋى قاچماق. بەرىكىتى قاچماق. * ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچىدۇ (ماقال). * ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ (ماقال).

قاچۇرماق

  • قاچۇرماق[يەشمىسى:] «قاچماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سەلىمە ئەكبەر يېتىپ كەلگەندە، ھېچنېمە دېمەي ئۆزىنى قاچۇراتتى.

قاچۇرۇلماق

  • قاچۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاچۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر قۇرۇق ھەيۋە بىلەن دۈشمەن لەشكەرلىرى قاچۇرۇلۇپ، بۇ كەنت پارتىزانلار تەرىپىدىن كونترول قىلىندى.

قاچىلاتماق

  • قاچىلاتماق[يەشمىسى:] «قاچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ خىزمەتكارلىرىغا ئاشلىقنى قاچىلىتىپ تەخ قىلىپ قويدى.

قاچىلاشماق

  • قاچىلاشماق[يەشمىسى:] «قاچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئورما كېلىشى بىلەنلا قەرزلىرىنى تۆلەپ ئاشقان ئاشلىقىنى كات ساندۇققا قاچىلاشتى.

قاچىلانماق

  • قاچىلانماق[يەشمىسى:] «قاچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ۋوي دادىسى، نېمە قىلغانلىرى بۇ دېدى ئۇ قولىدىكى سۈت قاچىلانغان كۇرۇشكىنى دېرىزىگە قويۇۋېتىپ.

قاچىلىماق

  • قاچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىگە جايلاشتۇرماق، سالماق، يۈكلىمەك، باسماق؛ تولدۇرماق:[مىسال:] ئەتىسى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا مەن يوغان بىر سومكىغا لىق قەنت-ناۋات قاچىلىدىم-دە، ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.

قادا

  • قادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قاردا مۇز قىرىندىسى بىلەن قېتىقنى شىرنىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئىچىملىك.

قاداتماق

  • قاداتماق[يەشمىسى:] «قادىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چاپىنىڭغا تۈگمە قادىتىۋالساڭ بولمامدۇ دېدى مۇئەللىم ئۇنى تەنقىدلىگەن تەلەپپۇزدا.

قاداشماق

  • قاداشماق[يەشمىسى:] «قادىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئۈچ-تۆت قاداقچى ھەدەپ چىنە-قاچىلارنى قادىشىۋاتاتتى.

قاداق Ⅰ

  • قاداق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. مىقدارى 454.0 كىلوگرامغا تەڭ كېلىدۇ:[مىسال:] بىر قاداق گۆش. ئۈچ قاداق ماي. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاداقلاپ ئۆلچەيدىغان تارازا.

قاداقⅡ

  • قاداقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت سۈركىلىشى بىلەن تېرىدىكى مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە پۇت ۋە قول ئالىقانلىرى ياكى پۇت بارماقلىرى يۈزىدە پەيدا بولىدىغان قاتتىق ھالەتتىكى ئۇششاق قاپارتقۇ. باسقاندا ئازراق ئاغرىتىدۇ:[مىسال:] قاداق باسماق. ∥ ھارۋىكەش ئەلەم بىلەن مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى-دە، يوغان قاداق ئالىقانلىرىدا ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى.

قاداقⅢ

  • قاداقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇنغان فارفور بۇيۇملىرىنى ياماش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل مىخ. ئادەتتە مىس ياكى تۆمۈردىن ياپىلاق ھەم ئەگمەچ، ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ياسىلىدۇ:[مىسال:] قاداق سالماق. * سۇنغان ئەينەكنى قاداتقان بىلەن قاداق تۇتمايدۇ، ئەمدى مېنى تولا خاپا قىلمىسىلا.

قاداقⅣ

  • قاداقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ، باش كىيىمگە تاقىۋېلىنىدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى:[مىسال:] ئالتۇن قاداق. قاداق دوپپا.

قاداقتاش

  • قاداقتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاداق+تاش[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى قاداق بىلەن ئۆلچەشتە قاداقنىڭ پەللىسىگە قويۇلىدىغان تاش. بۇ تاش ھەر خىل ئۆلچەمدە بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتىكى قوشۇمچە مەشىق قىلىش ئەسۋابى. ئادەتتە نەشپۈت شەكىللىك تۆمۈرگە يېرىم ھالقا شەكىللىك تۇتقۇچ ئورنىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئېغىرلىق ئۆلچىمىمۇ ھەر خىل بولىدۇ.

قاداقچى

  • قاداقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇنغان فارفور بۇيۇملىرىنى قاداشنى كەسىپ قىلغان كىشى:[مىسال:] بىردەمنىڭ ئارىلىقىدىلا بۇ ھويلا خۇددى بىر كىچىك بازارغا ئايلىنىپ كەتتى. بالىلار، ئانىلار، قىز ۋە چوكانلار قاداقچىنى ئورىۋالغانىدى.

قاداقچىلىق

  • قاداقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇنغان فارفور بۇيۇملارنى قاداش، ياماش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى:[مىسال:] قاداقچىلىق قىلماق.

قاداقلاشماق

  • قاداقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاداق ھالەتكە كەلمەك، قاداق-قاداق بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] قاداقلىشىپ كەتكەن چويۇندەك ئېغىر بارماقلار بالىنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى.

قاداقلىقⅠ

  • قاداقلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم قاداق ئېغىرلىقتىكى، مەلۇم قاداق كېلىدىغان:[مىسال:] بۇ توپلار قەشقەردە قۇيۇلغان ئاغزىدىن ئوقلىنىدىغان برونزا توپلار ئىكەن، بىرىگە 18 قاداقلىق، يەنە بىرىگە 12 قاداقلىق ئوق چۈشىدىكەن.

قاداقلىقⅡ

  • قاداقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قادىقى بار، قاداق چۈشكەن، قاداق باسقان:[مىسال:] باغلاردا ئورمانلاردا دەل-دەرەخلەر، سۇ يۈگۈرۈپ بىخ سۈرۈپتۇ غۇدۇر-بۈدۈر. قاداقلىق قوللىرىدا سىيپاپ ئۇنى، كۈلىدۇ بوۋام راسا قىلىپ ھۇزۇر.

قاداقلىقⅢ

  • قاداقلىقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قادالغان، قاداپ قويۇلغان:[مىسال:] قاداقلىق چىنە.

قاداقلىقⅣ

  • قاداقلىقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاداپ قويۇلغان، ئورنىتىلغان:[مىسال:] پارتىزانلارنىڭ ھەممىسى ئۇچىغا نەيزە قاداقلىق مىلتىقلار بىلەن قوراللانغانىدى. ∥ ئۇنىڭ مەيدىسىدە قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان قىزىل پەتتە تېخىچە قاداقلىق تۇراتتى.

قاداڭ

  • قاداڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قاتمال؛ ئۇدۇر-بۇدۇر، قوپال.

قاداڭشىماق

  • قاداڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قاتماللاشماق، قوپاللاشماق.

قادالماق

  • قادالماق[يەشمىسى:] «قادىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تىكەن بولۇپ پۇتقا كىرگۈچە، چىمەن بولۇپ باشقا قادال (ماقال).

قادۇرغۇچ

  • قادۇرغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاۋاننىڭ ئاستىنقى ئېڭىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆتكۈر چىشى، يارىدىغان پىچىقى.

قادىر

  • قادىر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇربى، قۇدرىتى، كۈچى يېتىدىغان:[مىسال:] قادىر بولماق. * بۇ كىشى ماشايىخ-مالائىكىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا قادىر ئىكەن [يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

قادىغاللىماق

  • قادىغاللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دېۋەيلىمەك، ھۈرپىيىپ، دېۋەيلەپ كەلمەك.

قادىلىشماق

  • قادىلىشماق[يەشمىسى:] «قادالماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزۈڭگە قادىلىشىپ تۇراتتى، ئەمما مېنىڭ ئۇلارغا بىرنېمە دېگۈم كەلمىدى-دە، ئاستا ئارقامغا ياندىم.

قادىماق

  • قادىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سانجىماق، تىقماق؛ سالماق:[مىسال:] پىدائىيلار تۆمۈرچىلەرگە نەيزە ياسىتىپ، ئۇنى چەنزىلەرنىڭ ئۇچىغا قادىۋېلىشقانىدى.[يەشمىسى:] ② تىرىمەك، تاقىماق، تىركىمەك:[مىسال:] «نامازشام خىزىرى» بىلەن چېقىر كۆز تەڭلا ۋاقىتتا تاپانچىلىرىنى بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ مەيدىسىگە قادىدى.[يەشمىسى:] ③ تىكلەپ ئورناتماق، تىك قىلىپ جايلاشتۇرماق، تىكلىمەك:[مىسال:] ئۇلار سېپىل ئۈستىدىكى جەڭدە قۇربان بولغانلارنىڭ قەبرىلىرىگە تۆنۈگۈن كەچتە قاداپ قويۇلغان خاتىرە تاختايلىرىنى كۆردى.[يەشمىسى:] ④ چاپلاپ، مىخلاپ، تىكىپ ياكى باغلاپ ئورناتماق، چاپلىماق، تاقىماق:[مىسال:] بالىنىڭ قىشلىق كىيىملىرى پۈتتى، تۈگمىلىرىنى قاداپ بەرسەكلا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ تىكمەك، ئۇدۇللىماق، توغرىلىماق (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ لېۋىنى چىڭ چىشلەپ، كۆزىنى ماڭا نەشتەردەك قادىدى.[يەشمىسى:] ⑥ سۇنغان فارفور بۇيۇملارنى قاداق مىخ بىلەن ياسىماق، قاداق سالماق:[مىسال:] ئاۋۇت قاداقچى بىر چىنىمىزنى قاداپ بەردى.

قار

  • قار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 0℃ تىن تۆۋەن بولغاندا، ھاۋا قاتلىمىدىكى سۇ پارىنىڭ قېتىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىپ، ھاۋا بوشلۇقىدىن چۈشىدىغان ئاق رەڭلىك كرستال. كۆپىنچە ئالتە قىرلىق بولىدۇ:[مىسال:] قار ياغماق. قار ئۇچقۇندىماق.[يەشمىسى:] ② يەر يۈزىنى قاپلىغان شۇ خىل كرستال قاتلىمى:[مىسال:] قار تېيىلىش تەنھەرىكىتى. قار كۆچكىنى.

قار كۆچكۈنى

  • قار كۆچكۈنى[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئېگىز تاغ ئۈستىدىكى زور قار پارچىلىرىنىڭ يىمىرىلىپ چۈشۈش ھادىسىسى.

قاراⅠ

  • قاراⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوق ئاتقاندا چەنلىنىدىغان نەرسە، نىشان:[مىسال:] قارىغا ئالماق. قارىغا ئاتماق.[يەشمىسى:] ② ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلغاندا چەنلىنىدىغان قارا تاختا. يۈزىدە رەت تەرتىپى سىرتىدىن ئىچىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئون دانە مەركەزداش چەمبەر بولۇپ، ھەربىر چەمبەر بىردىن نومۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 10-چەمبەر ئۇنىڭ ئەڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئاتقاندا ئوق 10-چەمبەرگە تەگسە، دەل تەگكەن بولىدۇ.

قارا

  • قارا[يەشمىسى:] ① Ⅱسۈپەت.[يەشمىسى:] كۆمۈر ياكى قازان كۈيىسى رەڭگىدىكى، «ئاق»نىڭ ئەكسى:[مىسال:] قارا چاچ. قارا قازان. قارا تاش.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۆھمەت، بوھتان، بەتنام:[مىسال:] قارا چاپلىماق.[يەشمىسى:] ③ ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆلەڭگە، سىما، سايە؛ چىراي-شەكىل:[مىسال:] قارىسى كۆرۈنمەك. * ھاياتىمدا بالا قارىسى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، كۆز ئالدىمدىكى سۆيۈملۈك پەرزەنتىمنى ياخشى كۈتۈۋالغۇم كەلدى.[يەشمىسى:] ④ سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلمەتلىك، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، مۇشەققەتلىك، ئېغىر قىيىنچىلىقلاردا ئۆتكەن:[مىسال:] ئۇ نېمە قىلىشىنى، خورلانغان، ھاقارەتلەنگەن قىزىنى قايسى يوسۇندا بەزلەشنى، بۇ قارا كۈنلەرنى قانداق قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيتتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەختسىز، تەتۈر، شور، ئوڭ كەلمىگەن:[مىسال:] قارا پېشانە. قارا تەقدىر.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياۋۇز، ۋەھشىي؛ ئادالەتسىز:[مىسال:] قارا كۈچ. قارا سىياسەت.⑦ سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچنېمىسى، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى مال-ئوقىتى يوق:[مىسال:] قارا يېتىم.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆزنىڭ قارىچۇق قىسمى:[مىسال:] ئەي يۈرىكىمنىڭ پارىسى، ئىككى كۆزۈمنىڭ قارىسى، سېنىڭ ئىشىڭ كۆڭلۈمنى مۇھەببەت قارمىقىغا ئېلىۋالدى.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قازان قاتارلىقلارنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە ئوت كۆيگەن چاغدا پەيدا بولىدىغان قارا رەڭلىك پاراشوكسىمان نەرسە؛ كۈيە:[مىسال:] ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگزىگە چىقىپ بىر پارچە ئەينەككە قازان قارىسى سۈركەپ قۇياشقا قارىدى.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياغاچچىلىقتا قارا بويالغان ئىنچىكە يىپ بىلەن ياغاچنىڭ يۈزىگە چېكىپ چىقىرىلغان سىزىق، ئىز:[مىسال:] ئۇستىسىنىڭ سۆزلىرى ئاڭا ياقمىدى، شۇڭلاشقىمۇ ياغاچنىڭ قارىسىنى ئۇنتۇپ رەندە سېلىۋەردى.[يەشمىسى:] 11 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گۇمان، شەك، داغ:[مىسال:] كۆڭۈللەرئارا قالمىسۇن قارا، سىناشقا يارا ھەقنى مىزان قىل[يەشمىسى:] 21 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆلۈم-مۇسىبەت ئىشلىرىدا مۇسىبەت ئىگىلىرى ئۆز قايغۇلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان، قارا رەختلەردىن تىكىلگەن قارىلىق كىيىم؛ قارا لاتا:[مىسال:] بىلىكىگە قارا باغلىماق.[يەشمىسى:] 31 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:]يەشمىى: توغرا بولمىغان، خاتا، ناھەق ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] — ئەمدى چوڭ بولۇپ قالدىڭىز، ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئېتىپ ئىش قىلىڭ، دېدى ئۇ قىزىنى ئەيىبلەپ.[يەشمىسى:] 41 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆلۈم-مۇسىبەت ۋاقتى، قازا تاپقان كىشىگە تۇتۇلغان قايغۇ-ماتەم مەزگىلى:[مىسال:] قارىسىنى سۇندۇرماق.[يەشمىسى:] 51 [سۆز تۈركۈمى:] [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شاھمات تاختىسىدىكى قارا بويالغان كاتەكچە:[مىسال:] ھەي، نېمە قىلىۋاتىسەن، ئاقتا تۇرغان ئات يەنە ئاققا چۈشەمدۇ تۈز ماڭمامسەن، ئاقتىكى ئات قارىغا چۈشىدۇ جۇمۇ دېدى ئۇ باتۇرغا ھومىيىپ.[يەشمىسى:] 61 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شاھمات ئويۇنىدىكى قارا رەڭلىك ئۇرۇقچىلار:[مىسال:] قارىنى ئالامسەن، ئاقنىمۇ دېدى ئۇ مەندىن سوراپ.

قارا باسماق

  • قارا باسماق[يەشمىسى:] ① ئۇخلاۋېتىپ قورقۇنچلۇق چۈش كۆرمەك:[مىسال:] تۆرەم چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى، ئۇنى قارا باسقانىدى.[يەشمىسى:] ② پالاكەتكە يولۇقماق؛ نەس باسماق، قىلغان-ئەتكىنى ئەپلەشمەي قالماق:[مىسال:] ھېلىقى سېۋەت باش، تەمبۇر پاچاق شەيتان قاچان مۇشۇ ئۆيدە ئاپىرىدە بولدى، تۆرەمنىمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ قارا باستى، دېدى مارىخان ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆيىمىزنىڭمۇ بەرىكىتى ئۇچتى.

قارا تىزىملىك

  • قارا تىزىملىك[يەشمىسى:] زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان ئېلىنغان ئىنقىلابچىلارنىڭ، ئادالەت تەرەپدارلىرىنىڭ رويخېتى:[مىسال:] قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر.

قارا سانىماق

  • قارا سانىماق[يەشمىسى:] يامان غەرەزدە بولماق، ساداقەتسىزلىك قىلماق:[مىسال:] ئىسمائىل رەۋەندىمۇ ئىش ھەققىنى ئوبدان بېرەتتى، مەسۈممۇ ئۇنىڭغا قارا سانىمايتتى.

قارا قورساق

  • قارا قورساق[يەشمىسى:] بىلىمسىز، ساۋاتسىز، نادان:[مىسال:] ئۇ قانخور جاللات ئەسلىدە ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان قارا قورساق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى سىپايە-لاتاپەتلىك ۋە تالانتلىق كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەن.

قارا قول

  • قارا قول[يەشمىسى:] ① جىنايەت سادىر قىلغان ياكى سادىر قىلىش غەرىزىدە تۇرغان ئادەم؛ دۈشمەننىڭ قولى؛ زوراۋانلىق، ياۋۇزلۇق قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ۋاسىتە:[مىسال:] مېنىڭچە بۇ ئىشلارنىڭ يۈزبېرىشىدە چوقۇم يامان ئادەملەرنىڭ قارا قولى بار[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىنايەتچى، خەلق مەنپەئىتى، ھەققانىيەت، ئەركىنلىككە دۈشمەن بولغۇچى:[مىسال:] ئادىل ياۋاشلىق بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنى ئىقرار قىلىپ تاپشۇرمىسا، ئىت بېشىنى يانجىپ تاشلايمىز.

قارا نوپۇس

  • قارا نوپۇس[يەشمىسى:] ئىسمى جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ نوپۇس خاتىرىسىگە يېزىلمىغان، نوپۇس ئىسپاتى بېرىلمىگەن كىشى:[مىسال:] ئەمدى تۇغسىڭىز، بالىڭىز قارا نوپۇس بولىدۇ جۇمۇ، دىققەت قىلىڭ، دېدى ئۇ كۈلۈپ.

قارىغا كەتمەك

  • قارىغا كەتمەك[يەشمىسى:] ناھەق ئەيىبلەنمەك، تۆھمەت قىلىنماق:[مىسال:] مەن بۇ يىگىتنىڭ «ئوغرى» بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، ئۇ چوقۇم قارىغا كەتتى.

قارىسىنى ئۇشتۇماق

  • قارىسىنى ئۇشتۇماق[يەشمىسى:] قارىلىق تۇتقانلار چىگكەن، باغلىغان ئېقىنى يېشىپ مۇسىبەتنى ئاخىرلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ ئاداش، ھەسرەت چېكىۋەرمە، بۈگۈن قاراڭنى ئۇشتۇيلى، دېدى ئۇ.

قاراتما

  • قاراتما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىركىمگە قارىتىلغان، بىركىمگە ئىشارەت ياكى چاقىرىق بولىدىغان:[مىسال:] قاراتما سۆز.

قاراتماق

  • قاراتماق[يەشمىسى:] ① «قارىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سىز «خاڭچى ناخشىسى»نى ياڭراتتىڭىز، زاۋۇتتىن خامانغىچە ئاڭلاتتىڭىز. ئەل ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ كۆمۈر قازغان-خاڭچىغا بىزنى ھەيران قاراتتىڭىز.[يەشمىسى:] ② توغرىلىماق، ئۇدۇللىماق، نىشانلىماق:[مىسال:] تىلىۋالدى غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ دۈشمەن ئەسكىرىگە ئاپتوماتنىڭ ئۇچىنى قاراتتى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوللانماق، يۈرگۈزمەك:[مىسال:] چەتكە قاراتقان سىياسەت.

قاراتمىلىق

  • قاراتمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىۋاسىتە ھالدا مەلۇم تەرەپنى مەركىزىي نىشان قىلىش ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى؛ مەركەزلىك، نىشانلىق، ئېنىق بىر نۇقتىغا قارىتىلىش:[مىسال:] قاراتمىلىقى بار.

قاراخان

  • قاراخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+خان[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] «بۈيۈك، قۇدرەتلىك خان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مىلادىيە 927-1212-يىللىرى ئۆتكەن قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

قاراخانىيلار

  • قاراخانىيلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قاراخانىيلار سۇلالىسى.

قاراخانىيلار خانلىقى

  • قاراخانىيلار خانلىقى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] «قاراخانىيلار سۇلالىسى»غا قاراڭ.

قاراخانىيلار سۇلالىسى

  • قاراخانىيلار سۇلالىسى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] مىلادىيە Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن ⅩⅢئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئاساسچىسى سۇلتان ئابدۇلكەرىم سۇتۇق بۇغراخان. تازا گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىلى-مىڭلاق ۋادىسى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى، چۇ دەرياسى ۋادىسى، ئىسسىق كۆل ئەتراپى شۇنىڭدەك ماۋەرائۇننەھرنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يازلىق پايتەختى قەشقەر، قىشلىق پايتەختى بالاساغۇن بولغان.

قارار

  • قارار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە قوبۇل قىلىنغان خۇلاسە؛ ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم تېپىلغان قەتئىي پىكىر، ئەھدە، نىيەت، توختام ۋە ئۇلارنىڭ تېكستى:[مىسال:] بىر قارارغا كەلمەك. قارار قىلماق. * يېڭى ئەر-خوتۇن ئىككىسى شۇ قارارغا كېلىپ تۇرۇشىغا قازىنىڭ ئادىمى كېلىپ ئىشىكنى قېقىپتۇ.[يەشمىسى:] ② تاقەت، چىدام؛ تىنچلىق، ئاسايىشلىق، ئارام:[مىسال:] قارارىنى يوقاتماق. قارارى ئۇچماق.[يەشمىسى:] ③ تۇرار جاي، توختايدىغان جاي؛ مەنزىل:[مىسال:] يىراق بولسا، يېقىن بولسا، قارارىم يوقتۇر. مەن يارىمنى كۆرۈۋالسام، ئارمانىم يوقتۇر.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قېتىم، نۆۋەت:[مىسال:] مەكتەپتە 64 قارار قىسقا مۇددەتلىك كۇرس ئېچىلىپ، 2544 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

قارارسىز

  • قارارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قارار قىلىنمىغان، قارار چىقىرىلمىغان:[مىسال:] كۆپچىلىكنىڭ قارارىسىز بۇ ئىشنى ئۆز بېشىمچىلا قىلسام بولمايدۇ دەپ ئويلايتتىم.[يەشمىسى:] ② بەلگىلىك ۋاقتى يوق، ۋاقىتسىز:[مىسال:] ياخشى يەرنى تېپىپ ئۇ، ئۇخلىماقتا قارارسىز.

قارارسىزلىق

  • قارارسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارارسىز ھالەت:[مىسال:] قامەتلىك ۋە قاپاقلىرى سېلىنغان ساقچىلار جىم تۇرۇشاتتى، ئۇلاردىن قانداقتۇر قارارسىزلىق سېزىلەتتى.

قارارگاھ

  • قارارگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تۇرار جاي، قونالغۇ:[مىسال:] ئۇ ئەتىگەندە يولغا چىقىپ، كەچ كىرگەندە قارارگاھقا يېتىپ باردى.

قارارلاشتۇرماق

  • قارارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قارارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باتىرغازى بىلەن ئىسھاق قېچىش ئورنىنى ئەلۋەتتە مۇشۇ پەنجىرە بولىدۇ دەپ قارارلاشتۇردى.

قارارلاشتۇرۇشماق

  • قارارلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قارارلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قارارلاشتۇرۇلماق

  • قارارلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قارارلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قارارلاشماق

  • قارارلاشماق[يەشمىسى:] ① «قارارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئىشنى ئەنە شۇنداق قارارلىشىپ، تېز تارقاشتى.[يەشمىسى:] ② مۇقىملاشماق، قارار تاپماق:[مىسال:] ئەلھال ئۇلۇغ ئىشلىرىمىز قارارلاشتى.

قارارلىق

  • قارارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان؛ قېتىملىق؛ قەرەللىك، مەزگىللىك:[مىسال:] كېيىن ئۇ يەنە ئوبلاست بويىچە ئېچىلغان ئىككى قارارلىق كۇرسقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى دەرس ئۆتۈپ تايانچلارنى تەربىيىلىدى.

قارارلىماق

  • قارارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭۈلگە پۈكمەك، نىشانلىماق:[مىسال:] ئۇلار ئالدىن قارارلاپ قويغان بەندىڭغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى.

قاراس

  • قاراس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ياغاچقا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ سۇنۇشى، يېرىلىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] سىرتتا قاراس قىلغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.

قاراسسىدە

  • قاراسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «قاراس» قىلغان ھالدا، «قاراس» قىلىپ:[مىسال:] ئۆينىڭ لىمى قاراسسىدە سۇنۇپ كەتتى.

قاراس-قۇرۇس

  • قاراس-قۇرۇس[يەشمىسى:] «قاراس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا قاراس-قۇرۇس قىلىپ موما سۇندى-دە، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ، بايراق بىلەن گۈرسسىدە يەرگە چۈشتى.

قاراسلاتماق

  • قاراسلاتماق[يەشمىسى:] «قاراسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چىمچىقلىتىپ كۆزىنى ھەر تەرەپكە قارار ئىكەن. قاراسلىتىپ چىشىدا، ياۋا ياڭاق چاقار ئىكەن.

قاراسلاشماق

  • قاراسلاشماق[يەشمىسى:] «قاراسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاراسلىماق

  • قاراسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قاراس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «قاراس» قىلماق:[مىسال:] شاخلار تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قاراسلايتتى، نېمىلەردۇر دەھشەتلىك ھۇۋلايتتى.

قاراشتۇرماق

  • قاراشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاراپ چىقماق؛ كۆرۈپ، ئاختۇرۇپ چىقماق، تەكشۈرمەك:[مىسال:] يار ئالغان ئېغىز بويىدىن تېخى بايىلا يېنىپ كەلگەن تۇراخۇن، نىياز قۇرباننىڭ قولىدىن خالتىنى ئېلىپ بىر قۇر قاراشتۇردى.

قاراشتۇرۇشماق

  • قاراشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قاراشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاراشتۇرۇلماق

  • قاراشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاراشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاراشقۇ

  • قاراشقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۆرە.

قاراشلىق

  • قاراشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر تەشكىلات، ئورگان قاتارلىقلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، ئۇنىڭغا قارايدىغان، تەۋە بولغان، بويسۇنىدىغان؛ باشقۇرۇشىدىكى، رەھبەرلىكىدىكى:[مىسال:] مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر.[يەشمىسى:] ② بىركىمگە تېگىشلىك، خاس، ئۇنىڭ قولىدا، ئىختىيارىدا بولغان، ئۇنىڭغا تېگىشلىك، تەئەللۇق، ئۇنىڭغا قارايدىغان:[مىسال:] بۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق مېھمانخانىسى ئىدى.[يەشمىسى:] ③ باغلىق، ئۇ بولمىسا بولمايدىغان، موھتاج:[مىسال:] بىزنىڭ ئىستىقبالىمىز مۇشۇ قېتىمقى ياردىمىڭلارغا قاراشلىق بولۇپ قالدى.

قاراشماق

  • قاراشماق[يەشمىسى:] ① «قارىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەممە ئادەم دېگۈدەك كوچىغا چىقىپ قومۇش باسقان ھارۋا-ماشىنىلارغا زوق بىلەن قاراشتى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىشىپ بەرمەك، ياردەملەشمەك:[مىسال:] دادام ئۆلگەندىن كېيىن بىر قېرى ئايال تۇغقىنىمىز كېلىپ، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇپ، بىزگە قاراشتى.

قاراغان

  • قاراغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆزى تىكەنلىك، سېرىق چېچەكلەيدىغان، يوپۇرمىقى سوزۇنچاق، بىر مېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدىغان چاتقال تىپىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك.

قاراق

  • قاراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆزنىڭ قارىچۇقى:[مىسال:] ئۇ قوشۇمىسىنى تازا تۈرگەندە، كۆزنىڭ قارىقى بۇرنىنىڭ ئۇچىغا توغرىلىنىپ، ئىككى توچكىغا ئوخشاپ قالاتتى.

قاراقالپاق

  • قاراقالپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئۆزبېكىستان تەركىبىدىكى قاراقالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدۇ.

قاراقالپاقچە

  • قاراقالپاقچە [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاراقالپاق خەلقىگە، ئۇنىڭ يېزىقى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] قاراقالپاقچە ئادەت. قاراقالپاقچە ئۇسسۇل. قاراقالپاقچە كىيىم. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاراقالپاق تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] قاراقالپاقچىنى ئۆگەنمەك. قاراقالپاقچىنى بىلمەك.

قاراقچى

  • قاراقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يول توسۇپ باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى بۇلايدىغان قوراللىق ئوغرى، بۇلاڭچى، باسمىچى:[مىسال:] ئوغرىنى قاراقچى ئۇرۇپتۇ (ماقال).

قاراقچىلىق

  • قاراقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يول توسۇپ باشقىلارنىڭ پۇل ماللىرىنى بۇلاش ئىشى؛ قاراقچىلارغا خاس قىلىق:[مىسال:] قاراقچىلىق قىلماق.

قاراقسىز

  • قاراقسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① پەرۋىش قىلىنماي، قارالماي قالغان ھالەتتە، پەرۋىشسىز، تاشلانغان ھالەتتە، تاشلاندۇق ھالەتتە:[مىسال:] ئۇ قاراقسىز قېلىپ، قۇرۇشقا باشلىغان باغنى قايتىدىن كۆكەرتىپ، مول-ھوسۇللۇق باغقا ئايلاندۇردى.[يەشمىسى:] ② قارايدىغان، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشىسى بولمىغان ھالدا؛ ئىگە-چاقىسىز ھالەتتە:[مىسال:] «بېشىنى پىت باسماق» دېگىنىمىز «ئىگە-چاقىسىز قېلىپ، غېرىبلاشماق؛ قاراقسىز قالماق» دېگەن مەنىدىن ئىبارەت بولىدۇ.

قاراقلىق

  • قاراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قارايدىغان، قارىتىلغان، توغرىلانغان:[مىسال:] كۈن چىقىشقا قاراقلىق دېرىزە تۈۋىگە قويۇلغان قوش كىشىلىك ياغاچ كارىۋات ئۆينىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەنىدى.[يەشمىسى:] ② قاراۋاتقان، قاراپ تۇرغان:[مىسال:] تاجىنىساخان موماي تورۇسقا قاراپ ئۇھ تارتىپ ياتاتتى. گۈلەندەم بىلەن دىلبەر ئۇنىڭ بېشىدا قاراقلىق ئىدى.[يەشمىسى:] ③ تەۋە، ئىلكىدە:[مىسال:] يۇرتتىن نېرى بارمايمەن، جان دۈشمەنگە قاراقلىق. زالىملارنىڭ زۇلمىدا، تولا كىشى قاماقلىق.

قارا-قويۇق

  • قارا-قويۇق[يەشمىسى:] ئاق-قارىسىنى، ياخشى-يامىنىنى ئايرىماي؛ ھەممىگە بىراقلا، پەرقلەندۈرمەي، پۈتۈنلەي، ئوخشاشلا:[مىسال:] ھېكىم ئىشىكتىن كىرىپلا تۇرغانلارغا قارىقويۇق بىر باشتىن تەزىم قىلىدۇ.

قارا-قۇرا

  • قارا-قۇرا[يەشمىسى:] قارا ۋە قارىغا مايىل رەڭدىكى، قارا كۆرۈنىدىغان:[مىسال:] ئەتراپ ئاق قار بىلەن قاپلانغاچقا، خېلى يىراقتىكى قارا-قۇرا نەرسىنى ئوڭاي پەرق ئەتكىلى بولمايتتى.

قاراڭغۇ

  • قاراڭغۇ [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۇردىن، يورۇقتىن خالىي، يورۇق ئەمەس؛ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان:[مىسال:] قاراڭغۇ ئۆي. قاراڭغۇ كېچە. قاراڭغۇ جاڭگال. * قاراڭغۇ يولنى قاراقچى بىلەر (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يورۇق ئەمەس، نۇرسىز ھالەت:[مىسال:] ئاي قاراڭغۇسى. تۈن قاراڭغۇسى. * ھېيتتا خوتۇن ئالما، قاراڭغۇدا ئوتۇن ئالما (ماقال). [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلمەتلىك، مۇدھىش، دەھشەتلىك:[مىسال:] مەن بۇ قاراڭغۇ دوزاختىن قۇتۇلۇپ كەتسەملا بولغىنى دېدى ئۇ. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] رۇخسەت قىلىنمىغان، ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن، مەخپىي:[مىسال:] قاراڭغۇ بازار.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېنىق ئەمەس، نائېنىق، تۇتۇق، نامەلۇم:[مىسال:] كېلەچەكتە نېمە ئىشلار بولىدۇ، بۇ ماڭا قاراڭغۇ، مەن كۆز ئالدىمدا ئىككىلا يولنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن.

قاراڭغۇچىلىق

  • قاراڭغۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاراڭغۇلاشقان ھالەت؛ قاراڭغۇلۇق:[مىسال:] ئاز ۋاقىتتىن كېيىن جاھاننى قاراڭغۇچىلىق بېسىپ، ھەيۋەتلىك دىۋە كېلىپ كۆۋرۈك ئۈستىدە تاق توختاپتۇ.

قاراڭغۇلاتماق

  • قاراڭغۇلاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاراڭغۇ ھالەتكە كەلتۈرمەك، قاراڭغۇلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۆينىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىگە پەردە تارتىپ، ئۇنىڭ ئىچىنى قاراڭغۇلىتىش لازىم.

قاراڭغۇلاشتۇرماق

  • قاراڭغۇلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاراڭغۇلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كەچكى گۇگۇم پەردىسى شىپاخانا ھويلىسىنى غۇۋا قاراڭغۇلاشتۇرۇپ تۇراتتى.

قاراڭغۇلاشماق

  • قاراڭغۇلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاراڭغۇ بولۇشقا باشلىماق، بارا-بارا قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانماق، قاراڭغۇلۇققا چۆممەك:[مىسال:] ئۆي ئىچى قاراڭغۇلاشتى.[يەشمىسى:] ② قاراڭغۇلۇق تىقىلماق، قاراڭغۇ بولغاندەك بىر ھالەت پەيدا بولماق:[مىسال:] كۆزى قاراڭغۇلاشماق. كۆڭلى قاراڭغۇلاشماق. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۈجمەللەشمەك، ئېنىقسىز بولۇپ كەتمەك، چىگىشلەشمەك (مەنە، چۈشەنچە ۋە مەسىلە، ئىش قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] مەسىلە ئايدىڭلاشمىدى، بەلكى تېخىمۇ قاراڭغۇلاشتى.

قاراڭغۇلۇق

  • قاراڭغۇلۇق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۇر، يورۇقلۇق بولمىغان، قاراڭغۇ ھالەت ياكى جاي:[مىسال:] شۇ چاغدا، قاراڭغۇلۇقتىن بىرى «مەن، چوڭ ئاپا» دېدى. * تاڭ سەھەر قاراڭغۇلۇقى كەتمەستىنلا ئېتىز يوللىرى قىغ يۆتكەۋاتقان ئەزالار بىلەن تولدى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن بەزى كىشىلىك ئالماشلارغا بېقىنىپ كېلىپ «ئېنىق ئەمەس، مۈجمەل، گۇمانىي، گۇمانلىق» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ:[مىسال:] ناھىيىدىكىلەر بۇ ئىشتىن قانداقسىگە خەۋەر تاپتىكىن تاڭەي، ئۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇلۇق. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەشلىك؛ تەشۋىش، غەم؛ غەپلەت؛ زۇلمەت؛ ۋەھىمە:[مىسال:] ماڭا قاراڭلار ئانىسى، دەيتتى مۆمىن ئاكا ھەمراخانغا يېلىنىپ، بارسۇن، بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا ئوقۇۋالسۇن يۇرت كۆرۈپ، شەھەر كۆرۈپ كۆزى ئېچىلسۇن بىزدەك نادان بولۇپ قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن

قارال

  • قارال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] كۆزلىگەن نىشان، چۈشكۈن قىلىدىغان جاي، قارارگاھ:[مىسال:] شۇ كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە شاھ سەنەمنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى. سۈبھى ۋاقتىدا ئورنىدىن قوپۇپ، بەلگىلىگەن قارالغا كېلىپ ساقلاپ ئولتۇردى.

قارالما

  • قارالما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان، قاراپ چىقىلىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر:[مىسال:] يىغىندا، ئالدى بىلەن قارالمىلار ۋە كۈنتەرتىپ ماقۇللاندى.

قارالماق

  • قارالماق[يەشمىسى:] «قارىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئادەم بەدىنىنىڭ ساق-سالامەت تۇرۇشى ياكى كېسەل بولۇشى ئۈچۈن، بۇ تۆت خىل ماددىنىڭ چوڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ قارىلىدۇ.

قارامⅠ

  • قارامⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەرقانداق ئىشنى تەۋەككۈلىگە قىلىدىغان؛ تەۋەككۈلچى:[مىسال:] قارام ئادەم. قارام يىگىت.[يەشمىسى:] ② باتۇر، قورقماس:[مىسال:] ھەربىر ئىشىدا ئۇ چېچەن، قارام، تۈگىتىپ ئىشنى ئالىدۇ ئارام.

قارامⅡ

  • قارامⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاراشلىق، تەۋە، قارىمىقىدىكى، قارايدىغان؛ ئەركسىز، بويسۇنىدىغان:[مىسال:] قارام بولماق.

قارامتۇل

  • قارامتۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارىغا مايىل، ئاچ قارا، سەل قارا:[مىسال:] دېكابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، سوغۇق بىر كېچە ئاسماننى قارامتۇل بۇلۇت قاپلىغان.

قارامتۇللاشماق

  • قارامتۇللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قارامتۇل بولماق، قارامتۇل ھالەتكە كەلمەك، قارايماق:[مىسال:] ئىشپىيوننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تۇرقى تېخىمۇ ۋىجىكلىشىپ، يۈزى ياتاقنىڭ غۇۋا يورۇقىدا تېخىمۇ قارامتۇللىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.

قارامتۇللۇق

  • قارامتۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىغا مايىل، قارامتۇل ھالەت.

قاراملارچە

  • قاراملارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قارام كىشىلەرگە خاس، قاراملارغا ئوخشاش؛ قاراملىق بىلەن:[مىسال:] ھامىت ئاخىر يەنە باشقا كەلگەننى كۆرەي دەپ، قاراملارچە يول تۇتۇپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەنتىگە — ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.

قاراملىق

  • قاراملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① تەۋەككۈلچىلىك:[مىسال:] قاراملىق قىلماق. * ئورۇنسىز قاراملىق ئەقىلسىزلىقنىڭ بەلگىسى. [يەشمىسى:] ② باتۇرلۇق:[مىسال:] دەرۋەقە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان تەلۋىلەرچە قاراملىقى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدىكى زېرەك ۋە چېۋەرلىكى بىلەن داڭقىنى چىقىرىپ. ھەممىگە تونۇلۇشقا باشلىدى.

قارانچۇق

  • قارانچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① كۆز-قۇلاق بولغۇچى، قارىغۇچى:[مىسال:] تۈكلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان كالتە قۇلاق بۇ كۈچۈك شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىردىنبىر ھەمراھى، بىردىنبىر سىردىشى ۋە بىردىنبىر قارانچۇقى ھېسابلىناتتى. [يەشمىسى:] ② زىرائەتلەرنى ئۇچار قۇشلارنىڭ، بەزى ھايۋانلارنىڭ يەپ كېتىشى، بۇزۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئېتىزنىڭ ئىچىگە تىكىپ، ئۈستىگە كونا كىيىم-كېچەكلەرنى كىيدۈرۈپ ئادەمگە ئوخشىتىپ قويۇلىدىغان بىر خىل جازا، شەكىل:[مىسال:] ساتمىسىدا ئادەم تۈگۈل، بىرەر قارانچۇقمۇ كۆرۈنمەيدىغان قوغۇنلۇقلار مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رەسمىيەت ئۈچۈنلا قويۇلغان، ھېچقانداق رولى يوق نەرسە:[مىسال:] ئۇنىڭ ھېچنېمىگە كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇ پەقەتلا بىر قارانچۇق.

قارانچۇقسىز

  • قارانچۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارايدىغان ئادىمى، ئىگە-چاقىسى يوق؛ ئىگىسىز:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تارتىپ: جۈر دىلشات، «يېڭى ھايات» مەھەللىسىدە بىر قارانچۇقسىز موماينى تاپتىم، شۇنى ئۆز ھىماتىمىزغا ئېلىپ، ئىش-كۈشلىرىنى قىلىپ بېرەيلى، قىزلارمۇ بارىدۇ، دېدى.

قارانچۇقلۇق

  • قارانچۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① قارانچۇقى بار، قارانچۇق ئورنىتىلغان. [يەشمىسى:] ② قارايدىغان ئادىمى، ئىگە-چاقىسى بار.

قاراۋۇل

  • قاراۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پوست، ساقچى:[مىسال:] ئېرپان بىرھازادىن كېيىن قورۇل ئېغىزىدىن بىخەتەر ئۆتۈپ كەتتى ۋە ئېگىزلىكتە قاراۋۇل بولۇپ تۇرغان مىللىي ئارمىيە كىشىلىرىگە ئۇچراشتى.

قاراۋۇلخانا

  • قاراۋۇلخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قاراۋۇللار تۇرىدىغان جاي:[مىسال:] ئاق ۋە قارا رەڭ بىلەن يول-يول قىلىپ بويالغان قاراۋۇلخانا يېنىدا قاراۋۇل قىمىر قىلماي تۇراتتى.

قاراۋۇلسىز

  • قاراۋۇلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاراۋۇلى يوق، قاراۋۇل تۇرمىغان:[مىسال:] بۇ دوقمۇشتىمۇ ئاۋۇنىڭغا ئوخشاش قاراۋۇلسىز مۇنار ئۇچرايدۇ.

قاراۋۇللۇق

  • قاراۋۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئامانلىقنى قوغداش، مۇھاپىزەت قىلىش ئىشى؛ كۆزەتچىلىك:[مىسال:] قاراۋۇللۇق قىلماق. قاراۋۇللۇق چازىسى.

قارايتماق

  • قارايتماق[يەشمىسى:] «قارايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۈنپېتىش تەرەپتىن بېسىپ كەلگەن قاراڭغۇلۇق قۇياش يۈزىنى قارايتىپتۇ.

قارايماق

  • قارايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قارا ھالەتكە كەلمەك؛ قارا رەڭگە، تۈسكە كىرمەك؛ قارىدىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ كۆڭلىكى ئەسلىي ئاق خامدىن تىكىلگەن بولسىمۇ، كېيىن كىردىن قارىيىپ كەتكەنىدى.

قارتⅠ

  • قارتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىردىنلا قاتتىق قورقۇش، چۆچۈش ياكى ئەندىكىش روھىي ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر كۈنى قاراڭغۇدا تىمىسقىلاپ ئاران ئۆيگە باردىم-دە، ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن قولۇمنى ئاپىرىپ ئىتتىك تارتىۋالدىم. يۈرىكىم «قارت» قىلىپ قالدى.

قارتⅡ

  • قارتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرغۇينىڭ قۇيرۇقى ئەتراپىدىكى قارا سىزىقچە:[مىسال:] قۇرغۇي، دېدى جالالىدىن يەھيارى، تۆت قارت بولغاندا ئاندىن ئاڭنى ئالالايدۇ.

قارتاⅠ

  • قارتاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① قاتتىق قەغەز، سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسالغان، سۈرىتى ۋە رەڭلىرى بىلەن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان مەخسۇس ئويۇن ۋاراقچىلىرى. تۈرلىرى كۆپ بولۇەي قاراڭغۇسى. تۈن قاراڭغۇسى. * ھېيتتا خوتۇن نە بەزىلىرىنىڭ ئۈستىدە ھەر خىل رەسىملىك بەلگىلەر بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ۋاراقچىلار ئارقىلىق ئوينىلىدىغان ئويۇن:[مىسال:] ئۇلار قارتىنى كۆڭۈل قويۇپ جىددىي ئوينايتتى.

قارتاⅡ

  • قارتاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ توغرا ئۈچىيى، كۆتەنباش.

قارتتىدە

  • قارتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «قارت» قىلىپ، «قارت» قىلغان ھالدا:[مىسال:] «دەريادىن ئادەمنىڭ ئۆلۈكى چىقىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ، تېنىم جۇغۇلداپ كەتتى.

قارتىچى

  • قارتىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارتا ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان، قارتا ئوينايدىغان كىشى:[مىسال:] ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بەشلەڭچىلەر، بىر بۇلۇڭىدا قارتىچىلار، بىر بۇلۇڭىدا قاتار ئوينايدىغانلار ھەدەپ ئۆز ئويۇنلىرىنى ئويناشماقتا ئىدى.

قارچىغا

  • قارچىغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] يىرتقۇچ قۇشلار تۈركۈمىدىكى بىر خىل ئوۋ قۇشى. تېنى قېنىق قوڭۇر، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى ئىلمەك، تىرنىقى ئۆتكۈر، كۆرۈش قۇۋۋىتى يۇقىرى كېلىدۇ. قولغا كۆندۈرۈلسە، ئۇنىڭ بىلەن غاز، ئۆردەك، قىرغاۋۇل، پاختەك قاتارلىق قۇشلارنى ۋە ياۋا توشقانلارنى ئوۋلاشقا بولىدۇ.

قارچىغىسىمان

  • قارچىغىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارچىغىغا ئوخشاش، قارچىغا شەكلىدىكى.

قارچىغىلىق

  • قارچىغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆشنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان قوۋۇرغىسىمان كۆمۈرچەك.

قارس

  • قارس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ياغاچ قاتارلىق نەرسىلەر سۇنغاندا، شاپىلاق بىلەن يۈز-كۆزگە ئۇرغاندا ۋە شۇ خىل ئەھۋاللاردا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] گۈلخان ئانا غەزىپىگە ھاي كېلەلمەي مودەنگۈلنىڭ يۈزىگە «قارس» قىلىپ بىر كاچات سالدى.

قارساق

  • قارساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈلكىنىڭ بىر خىلى. رەڭگى قارا كېلىدۇ.

قارسسىدە

  • قارسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «قارس» قىلغان ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «قارس» قىلىپ:[مىسال:] ياغاچ قارسسىدە سۇنۇپ كەتتى.

قارس-قۇرس

  • قارس-قۇرس[يەشمىسى:] «قارس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئادەم ئۆتىدىغان يوللاردا توڭلاپ قالغان كۆلچەك سۇلىرىنىڭ مۇزلىرى قارس-قۇرس قىلىپ سۇناتتى.

قارسىلداتماق

  • قارسىلداتماق[يەشمىسى:] «قارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاسىم ئەپەندى ھاجىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرۇپ، ھەدەپ بارماقلىرىنى قارسىلدىتاتتى.

قارسىلدىماق

  • قارسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قارس-قارس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «قارس-قارس» قىلماق:[مىسال:] ئۈچكە چېقىپ مەن سۇنسام يارىمغا مېغىز، قارسىلدايدۇ بىر ئەپلىك ئاغزىدا سېغىز.

قارشى

  • قارشى [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرەپدار ئەمەس، ماقۇللىمايدىغان، ياقلىمايدىغان، قۇۋۋەتلىمەيدىغان؛ نارازى:[مىسال:] بۇ ئىشقا كىم قارشى * بۇ تەكلىپكە سىزدىن باشقا قارشى كىشى يوق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەيدانى، چۈشەنچىسى، پىكىرى، مەقسىتى، مەپكۇرىسى، مەسلىكى ۋە مەنپەئىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان؛ زىت، خىلاپ:[مىسال:] بىر-بىرىگە قارشى تەرەپلەر، ئۆزئارا قارشى تەرەپلەر. بىر-بىرىگە قارشى گۇرۇھلار. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] (يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ) بىرەر ئىش، نەرسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ باشقىسىدىن ساقلىنىش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قايتۇرۇش ۋە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۈرگىگە قارشى دورا. يانغىنغا قارشى ماشىنا. تانكىغا قارشى قورال. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] (يۆنىلىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ) تەتۈرىچە، ئەكسىچە:[مىسال:] ئېھتىمالغا قارشى. بەختكە قارشى.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارىمۇقارشى، روبىرو؛ ئۇدۇل:[مىسال:] كوچىنىڭ قارشى تەرىپى. * ئايگۈل قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتىدۇ. ∥قارشىسىدا تۇرغان ئادەم.

قارشىلاشتۇرماق

  • قارشىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قارشىلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەئە شۇنداق بولدى، مەن ئىشنىڭ ئېپى-جېپىنى بىلمەيمەن، سىز ياردەم قىلمىسىڭىز جىمى خەقنى ئۆزۈمگە قارشىلاشتۇرۇۋالىدىغان ئوخشايمەن، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

قارشىلاشماق

  • قارشىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە قارشى تۇرماق، زىتلاشماق؛ دۈشمەنلەشمەك:[مىسال:] خەلق بىلەن قارشىلاشساڭ، زىيان تارتىسەن، دەپ پىچىرلىدى ئۇ غەزەپتىن تىترەپ.

قارشىلىق

  • قارشىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① قارشى پىكىر، نارازىلىق، ئېتىراز:[مىسال:] قارشىلىق بىلدۈرمەك. قارشىلىق قوزغىماق.[يەشمىسى:] ② قارشى ھەرىكەت، ئەكس تەسىر، توسقۇنلۇق:[مىسال:] قارشىلىق قىلماق. قارشىلىق كۆرسەتمەك. * ھەرقانداق بىر يېڭى شەيئى كونىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كەسكىن توقۇنۇش بولۇپ ئىپادىلىنىدىغان كۈرەش شەكلى. ئۇ زىددىيەتلەر كۈرىشىنىڭ ھەممە شەكلى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ بىر خىلى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى تەسىر كۈچ.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ ئۆتۈشىگە بولغان قارشى تەسىرى. جىسىمنىڭ قارشىلىقى ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەسمە يۈزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تېمپېراتۇرا ۋە تەركىبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

قارشىلىقسىز

  • قارشىلىقسىز[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] قارشىلىقى يوق، قارشىلىققا ئۇچرىمايدىغان:[مىسال:] قارشىلىقسىز ئىش. قارشىلىقسىز ھەرىكەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قارشىلىققا ئۇچرىماي، بىمالال، توسقۇنسىز:[مىسال:] ئۇلار قارشىلىقسىز ئىلگىرىلەپ، چاي ۋاقتىدىن سەل ئىلگىرى يار بېشىغا يېتىپ كەلدى.

قارشىلىقلىق

  • قارشىلىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارشىلىقى بار، قارشىلىق قىلىدىغان:[مىسال:] قارشىلىقلىق تېرمومېتىر.

قار-شىۋىرغان

  • قار-شىۋىرغان[يەشمىسى:] قار ۋە شىۋىرغان:[مىسال:] ئۇلار ھاكىمنىڭ باشچىلىقىدا قار-شىۋىرغانغا قارىماي نەق مەيدانغا بېرىپ، مال پادىلىرىنى ئىزدەش جېڭىگە جىددىي ئاتلاندى.

قار-شىۋىرغانلىق

  • قار-شىۋىرغانلىق[يەشمىسى:] قار-شىۋىرغان چىقىۋاتقان، قار-شىۋىرغان قاپلىغان:[مىسال:] قار-شىۋىرغانلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يارۇللا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

قارغاتماق

  • قارغاتماق[يەشمىسى:] «قارغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قارغاشماق

  • قارغاشماق[يەشمىسى:] «قارغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھازىر ھەممە ئەيىبنى كاسسىر-بوغالتىرلارغا ئارتىپ، ئەڭ يامان سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى قارغاشتى.

قارغالماق

  • قارغالماق[يەشمىسى:] «قارغىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قارغىش

  • قارغىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارغاش ئىشى:[مىسال:] قارغىشقا قالماق. قارغىش تەگكۈر. قارغىش ئالماق. قارغىش تەگمەك. قارغىشقا كەتمەك. * ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس (ماقال).

قارغىش تەگكۈر

  • قارغىش تەگكۈر[يەشمىسى:] «قارغىشقا ئۇچرايدىغان؛ بېشىنى يېگۈر، ئۆلگۈر، جۇۋاينىمەك» دېگەن مەنىلەردىكى قارغاش ئىبارىسى:[مىسال:] ئانام بەش ۋاخ نامىزىدا جاينامازدا ئولتۇرۇپ، بۇ قارغىش تەگكۈر ئىپلاسنىڭ ئۆلۈمىنى خۇدادىن تىلەيتتى.

قارغىش قېپى

  • قارغىش قېپى[يەشمىسى:] ① ھەددىدىن زىيادە خەقىش قىلىدىغان، جېدەلخور، تولا يىغلايدىغان، يىغلاڭغۇ (كىچىك بالىلار ھەققىدە). [يەشمىسى:] ② تولا قارغىشقا ئۇچرايدىغان، دائىم خەق قارغايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان، كىشىلەر تولا قارغايدىغان:[مىسال:] ۋاي قارغىش قېپى، سەن بۇ ئەسكىلىكلىرىڭنى قاچانمۇ قويارسەن، دەپ سۆزلەپلا كەتتى ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى.

قارغىشچى

  • قارغىشچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەمىشە قارغاپلا يۈرىدىغان، قارغايدىغان:[مىسال:] قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن (ماقال).

قارغىشخور

  • قارغىشخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىغلىغاق، يىغلاڭغۇ:[مىسال:] قۇدۇق چىغرىقىنىڭ قارغىشخور بالا يىغلاۋاتقاندەك غىچىرلىشىدىن ئۆزگە ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلانمايتتى.

قارغىماق

  • قارغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىراۋغا يامانلىق، بەختسىزلىك ياكى ئۆلۈم تىلىمەك:[مىسال:] قۇشنىڭ سايرىمايدىغىنى يوق، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغىنى (ماقال).

قار-قات

  • قار-قات[يەشمىسى:] قار ۋە شۇ خىلدىكى ھۆل-يېغىن؛ قار-مۇز.

قارلەيلىسى

  • قارلەيلىسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قار+لەيلى+سى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق دورا ئۆسۈملۈكى. تەمى سەل قېرىق، تەبىئىتى ئىسسىق، زەھەرلىك. ھەيزنى راۋان قىلىپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ، پەي ۋە سۆڭەكنى كۈچەيتىدۇ. بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىدۇ.

قارلۇق

  • قارلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەردىن بىرى.Ⅳ، Ⅴئەسىرلەردە ئالتاينىڭ غەربىدە، چارىش دەرياسى بويلىرىدا ياشىغان، Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىملىرىغا، زەيسان كۆلى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن. Ⅵ، Ⅶ ئەسىرلەردە تۈرك خاقانلىقى تەركىبىگە كىرگەن، Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يەتتىسۇ تېررىتورىيىسىگە كېلىپ جايلىشىپ، Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۇ يەردە قارلۇق دۆلىتىنى قۇرغان. Ⅹ ئەسىردە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىن ئورۇن ئالغان. قاراخانىيلار Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ماۋەرائۇننەھرىنى ئىگىلىگەندە، قارلۇقلار تاشكەنت، فەرغانە ۋە زەرەپشان دەريا ۋادىلىرىغا كۆچكەن. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان، كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەرلىك تۈركىي خەلقلەر تەركىبىگە سېڭىپ كەتكەن.

قارلىغاچ

  • قارلىغاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تېنى كىچىك، دۈمبىسىدىكى پەيلىرى قارا ھەم پارقىراق، قورساق قىسمى ئاق، بويۇن قىسمىدا ئاچ بىنەپشە رەڭلىك يۇمىلاق داغلىرى بار بىر خىل قۇش.

قارلىغاچسىمان

  • قارلىغاچسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارلىغاچقا ئوخشايدىغان، قارلىغاچ شەكلىدىكى:[مىسال:] قارلىغاچسىمان چىقچىق. قارلىغاچسىمان قۇشقاچ.

قارلىق Ⅰ

  • قارلىق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قار بار، قار قاپلىغان:[مىسال:] قارلىق جىلغا. قارلىق تاغ. قارلىق دالا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قار ياغقان، قار بىلەن قاپلانغان يەر:[مىسال:] گۈل سۈيى گۈلگە تامار تېمىم-تېمىم، سالقىندا سۇغارغىلى سەپسە سۇنى. بۇ سۇلار قارلىقلارنىڭ مۇزلىرىدۇر، كەچتۈرگەن ساي-جىلغىدا كۆپ ئاھۇنى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قار ئارىلاش:[مىسال:] قارلىق شىۋىرغان بوران بىلەن ئالماشتى.

قارلىقⅡ

  • قارلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇنجى قار ياغقان كۈنلەردە ئۆزى خالىغان بىرىگە مەلۇم تەلەپ بىلەن يېزىلىدىغان خەت ياكى ئۆيىگە تاشلىنىدىغان قار:[مىسال:] قارلىق تاشلىماق. قارلىق يازماق.

قارماق

  • قارماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ئىلمەككە ئوخشاش قورال. ئۇچى ئۆتكۈر بولىدۇ. ئۇچىغا قايرىلغان تىل چىقىرىلىدۇ:[مىسال:] قارماق تاشلىماق. قارماق سالماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر كىشىنى ياكى نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىلىندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىۋاسىتە، تەدبىر؛ تۇزاق، دام:[مىسال:] قارماققا ئىلىنماق. قارماققا چۈشمەك. [يەشمىسى:] ③ بەزى نەرسىلەرنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مېتال ئىسكاپ.

قارماقلىق

  • قارماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارمىقى بار، قارماق بېكىتىلگەن:[مىسال:] بېلىقچى جاۋاب بېرىپ: كىتنى قارماقلىق تۆمۈر ئارا بىلەن تۇتىمىز، دېدى.

قارماقلىماق

  • قارماقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① قارماق سېلىپ چىڭىتماق:[مىسال:] لىسورنىڭ سۇنغان جايىنى قارماقلاڭلار. [يەشمىسى:] ② بارماقلىرى بىلەن قاماللاپ تۇتماق، چاڭگاللىماق، قارمىماق:[مىسال:] ئارقىمۇئارقا ئۇنى باسقان بالالەر ئىلكىدە، بوز لاچىن قارماقلىغان كەكلىكتىن ئۇ بىچارىراق.

قار-مۇز

  • قار-مۇز[يەشمىسى:] قار ۋە مۇز:[مىسال:] ئوغۇللار سۇ توشۇدى، ئوتۇن ياردى، قار-مۇزلارنى توشۇپ، ئىشىك ئالدى ۋە كوچىنى تازىلىدى.

قار-مۇزلۇق

  • قار-مۇزلۇق[يەشمىسى:] ① قار-مۇز باسقان، قار-مۇز بىلەن قاپلانغان، قار-مۇز قاپلىغان:[مىسال:] قار-مۇزلۇق دالا. قار-مۇزلۇق داۋان. [يەشمىسى:] ② قار-مۇز قاپلىغان يەر، قار-مۇز بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] ئۈستى قېلىن قار-مۇزلۇق، ئېرىمەيدۇ قىشىن-ياز، ئۆتەلمەيدۇ ئۈستىدىن بۈركۈتمۇ قىلىپ پەرۋاز.

قارنى-كۆكس

  • قارنى-كۆكس[يەشمىسى:] قارنى ۋە كۆكسى:[مىسال:] قارنى-كۆكسى كەڭ. قارنى-كۆكسىنى بوشاتماق.

قارۇغباشى

  • قارۇغباشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشى، ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغۇچى:[مىسال:] ئولتۇرۇڭ توغرۇل، ئەقىل بىلەن ئىش قىلغۇلۇق، دېدى ئەركىن بېگىم قارۇغباشىنى بېسىپ.

قارۇغچى

  • قارۇغچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئامانلىقنى ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى:[مىسال:] قارۇغچى ئۆينى ئاختۇردى، ساندۇقتىن قارۇغچى كىيىمىنى تاپتى.

قارۇنا

  • قارۇنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] رەڭگى قارا، پارقىراق كېلىدىغان، تۇمشۇقى ياپىلاق، بېلىق تۇتۇشقا ماھىر بىر خىل سۇ قۇشى.

قارىپايىم

  • قارىپايىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساۋادسىز، مەدەنىيەتسىز:[مىسال:] قارىپايىم خەلق.

قارىپايىملىق

  • قارىپايىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساۋادسىزلىق، مەدەنىيەتسىزلىك.

قارىتا

  • قارىتا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] يۆنىلىش كېلىش بىلەن كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ «ھەققىدە، توغرىسىدا؛ نىسبەتەن» دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ:[مىسال:] بۇئىشقا قارىتا مېنىڭ پىكرىم بار.

قارىتەلپەك

  • قارىتەلپەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+تەلپەك[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] سۈي، تاڭ خاندانلىقى دەۋرىدە يەنجى (ھازىرقى قاراشەھەر) نىڭ شىمالى، خانتەڭرى ئەتراپى ۋە ئىدىقۇت، ئېۋىرغول (قۇمۇل) ئەتراپلىرىدا ياشىغان، كېيىنرەك گەنسۇ ۋە ئۇترېفت تېغى (ھازىرقى خانگاي تېغى) نىڭ شەرقىي بويىلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بىرى.

قارىتۈرۈك

  • قارىتۈرۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+تۈرۈك[[يەشمىسى:] مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، خەت ساۋاتى يوق، ئوقۇمىغان، ساۋاتسىز:[مىسال:] قارىتۈرۈك ئادەم. قارىتۈرۈك دېھقان.

قارىتىشماق

  • قارىتىشماق[يەشمىسى:] «قاراتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قارىتىلماق

  • قارىتىلماق[يەشمىسى:] «قاراتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شائىر ئىش ئۈستىلىنى شەرققە قارىتىلغان دېرىزىگە تاقاپ قويۇۋالغانىدى.

قارىچاي

  • قارىچاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+چاي[[يەشمىسى:] چاينىڭ بىر خىلى. ئادەتتە ئۇ يۇمران چاي يوپۇرمىقىنى پرېسلاپ تاختىلاش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.

قارىچايىر

  • قارىچايىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، پاكار ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.

قارىچۇق

  • قارىچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] رەڭدار پەردىنىڭ مەركىزىدىكى دۈگىلەكچە. نۇر بۇ ئارقىلىق كۆز ئىچىگە كىرىدۇ. ئۇ نۇرلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ چوڭىيىدۇ ھەم كىچىكلەيدۇ:[مىسال:] كۆز قارىچۇقى.

قارىچىلان

  • قارىچىلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+چىلان[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل سۇ قۇشى. تېنى چوڭ، پۇتى ئۇزۇن، تۇمشۇقى قىزىل، كۆكسى ئاق، قانىتىنىڭ ئۈستى ۋە دۈمبىسى قارا كېلىدۇ. بېلىق تۇتۇپ يەيدۇ.

قارىخەت

  • قارىخەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+خەت[[يەشمىسى:] كىشىنى ئالداش، قورقۇتۇش قاتارلىق مەقسەتلەر تۈپەيلى يېزىلغان، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم فامىلىس، ئادرېسى يېزىلمىغان ياكى باشقا بىرىنىڭكىنى يازغان قانۇنسىز خەت.

قارىداتماق

  • قارىداتماق[يەشمىسى:] «قارىدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۈگۈن ئالدىراپ قالمىغان بولساق، سارغۇچ قېشىڭنى قارا گۈل سۈيى بىلەن ياكى سىيادان بىلەن بىر ئاز قارىدىتىپ كەلگەن بولساق، ياخشى بولماقچى ئىكەن.

قارىداشماق

  • قارىداشماق[يەشمىسى:] «قارىدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قارىدالماق

  • قارىدالماق[يەشمىسى:] «قارىدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قارىدان

  • قارىدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+دان[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كەركىدانگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. مېۋىسى تەركىبىدە ۋىتامىن P بولىدۇ. قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قىزىتمىنى ياندۇرۇش، زەھەر كېسىش ۋە ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

قارىدىماق

  • قارىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قارا ياكى قارىغا مايىل رەڭگە، تۈسكە كىرمەك، قارايماق:[مىسال:] ئۇ ئابدۇللانىڭ يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرۈپ، دەرۋازا يېنىدىكى تاملىرى ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن تاشلاندۇق ئۆيدىكى توپا باسقان يالغۇز كارىۋاتقا قويدى.

قارىسان

  • قارىسان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+سان[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] چارۋا ماللاردا، بولۇپمۇ كالىلاردا بولىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىك.

قارىسىغا

  • قارىسىغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇقماستىن، چۈشەنمەستىن، تەخمىنەن، كەلسە-كەلمەس، قارىغۇلارچە:[مىسال:] قارىسىغا ئىش قىلماق. قارىسىغا ھەرىكەت قىلماق. قارىسىغا سۆزلىمەك.

قارىغان

  • قارىغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. ئۇنىڭ سۇ-تۇپراقنى مۇقىملاشتۇرۇش رولى بار. تېبابەتچىلىكتە يىلتىز پوستى دورا قىلىنىدۇ. قاننى جانلاندۇرۇپ، يەلنى تارقىتىش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، تالنى ياخشىلاش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، جىگەر ۋە بۆرەكنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە.

قارىغاندا

  • قارىغاندا [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ بىرەر ئىش، شەيئى ۋە مەسىلە قاتارلىقلارغا بولغان سۇبيېكتىپ پەرىزى، مۆلچىرى ۋە قىياسلىرىنى بىلدۈرىدىغان، «ئاساسەن، ئاساسلانغاندا، مۆلچەرلىنىشىچە» مەنىسىدىكى سۆز:[مىسال:] قارىغاندا ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان ئوخشايدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] «نىسبەتەن، كۆرە، سېلىشتۇرغاندا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىزگە قارىغاندا مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى.

قارىغاي

  • قارىغاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىغاي ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىز ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى يىڭنە شەكلىدە بولىدۇ:[مىسال:] قارا قارىغاي. يېشىل قارىغاي. قىزىل قارىغاي.

قارىغايزار

  • قارىغايزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قارىغايلىق»قا قاراڭ.

قارىغايزارلىق

  • قارىغايزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قارىغايلىق»قا قاراڭ.

قارىغايلىق

  • قارىغايلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىغاي كۆپ ئۆسكەن، قارىغاي بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] مەن مىلتىقىمنى تۇتقىنىمچە قارىغايلىققا باردىم. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارىغاي ئۆسكەن، قارىغاي بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] قارىغايلىق تاغ.

قارىغۇ

  • قارىغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كۆرۈش قابىلىيىتى يوق ياكى ئۇنى يوقاتقان، كور:[مىسال:] قارىغۇ بولماق. ∥ قارىغۇلار يېزىقى. * قارىغۇ ئاڭلىغاننى قويماس، ساغرۇ كۆرگىنىنى قويماس (ماقال). [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ماھىيىتىگە يېتەلمەيدىغان، ئەقلى يېتىلمىگەن، ئاڭسىز، بىلىمسىز، ساۋاتسىز:[مىسال:] بارغىن ئوغلۇم، ئوقۇغىن، دېدى ئۇ ئالماسقا، ئەپەندىلەرمۇ تۈزۈك كىشىلەر كۆرۈنىدۇ، خەت-ساۋاتلىق بولغىن، كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇش بىز بىلەن كەتسۇن.

قارىغۇنى ياردا قىستىماق

  • قارىغۇنى ياردا قىستىماق[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ قىيىن ئەھۋالىدىن، ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى بىر ئىشقا زورلىماق؛ قىيىن ئەھۋالدىكى ئادەمنى تېخىمۇ قېيىن، يامان ئەھۋالغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنماق:[مىسال:] بۇ قارىغۇنى ياردا قىستىغاندەك ھېچ نەرسىسى يوق پۇقرالارنى بۇنچىۋالا قىستاۋەرسىڭىز بولامدۇ بۇلارنىڭ قايسىبىرىنىڭ ئۇلاغ-ھارۋىسى بىر دەيسىز

قارىغۇجا

  • قارىغۇجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+غوجا[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «قارىقۇشقاچ»قا قاراڭ.

قارىغۇسىز

  • قارىغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ قارىغۇسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە؛ ئىنتايىن سەت، كۆرۈمسىز:[مىسال:] بۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن ئەزاسى كۆيگەن بولۇپ، يۈز-كۆزى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەنىدى.

قارىغۇلارچە

  • قارىغۇلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، ئۆلۈك ھالدا، قارىسىغىلا:[مىسال:] يېڭى نەرسىنىڭ كىرىشى بىلەن بەزى شەرق مەملىكەتلىرىدە غەرب مەدەنىيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇندۇرۇش، پايدا-زىيان تەرىپىنى پەرق ئەتمەستىن ھەممە ئىشنى غەربلەشتۈرۈش يولغا قويۇلغانىدى. [يەشمىسى:] ② ھېچبىر ئىلمىي پاكىتقا ئاساسلانماي، بەلگىلىمە، پرىنسىپ قاتارلىقلارغا قارىماي، ئەمەل قىلماي؛ پىلانسىز؛ ئاساسسىز، بىكاردىن-بىكار:[مىسال:] تېخنىكا سەۋىيىسى بولمىغان ئادەم قارىغۇلارچە ئىش قىلىدۇ، بۇنداق ئىشنىڭ سانىمۇ، سۈپىتىمۇ بولمايدۇ.

قارىغۇلۇق

  • قارىغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆرۈش قابىلىيىتىنى يوقاتقانلىق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەلگىلىمە، پرىنسىپ قاتارلىقلارغا ئەمەل قىلماسلىق، قارىماسلىق؛ قارىغۇلارچە ئىش قىلىش، قارىسىغا ئىش كۆرۈش؛ پىلانسىزلىق:[مىسال:] ئىشلەپچىقىرىشنى جەمئىيەت ئېھتىياجىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى قارىغۇلۇقتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۆگىتىش لازىم.

قارىقات

  • قارىقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① تاشيارغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. غولىدا تىكەنلىرى بولىدۇ. مېۋىسى شار شەكلىدىكى شىرنىلىك مېۋە بولۇپ، تەمى چۈچۈمەل. مۇراببا قاينىتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

قارىقاش

  • قارىقاش[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+قاش[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر خىلى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياقىسىغا، پەش ۋە يەڭنىڭ چۆرىلىرىگە قارا تۇتۇلغان:[مىسال:] قارىقاش چاپان.

قارىقوتۇر

  • قارىقوتۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+قوتۇر[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر خىلى.

قارىقوغۇر

  • قارىقوغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ. ئادەتتە پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورا قىلىنىدۇ. ھەيزنى تەڭشەش، قان توختىتىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش روللىرىغا ئىگە.

قارىقۇش

  • قارىقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+قۇش[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پەي تۈكلىرى قارا كېلىدىغان بىر خىل چۆل بۈركۈتى.

قارىقۇشقاچ

  • قارىقۇشقاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+قۇشقاچ[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنى ئاق قۇشقاچتىن سەل چوڭ، رەڭگى قارا كېلىدۇ، قولغا ئاسان ئۆگىنىدۇ. ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى دوراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

قارىقۇمچاق

  • قارىقۇمچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+قۇمچاق[[يەشمىسى:] كۆرۈنۈشى يېقىملىق ھەم ئوماق ئەمما قارا، كېلىشكەن قارا، قارىمۇتۇق:[مىسال:] قارىقۇمچاق قىز.

قارىقۇيرۇق

  • قارىقۇيرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+قۇيرۇق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «جەرەن»گە قاراڭ.

قارىكۆزەل

  • قارىكۆزەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كۆزىنىڭ چۆرىسى ۋە قېشى قارا، باشقا يەرلىرى ئاق كەلگەن قوي.

قارىكۆسەي

  • قارىكۆسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+كۆسەي[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر خىلى.

قارىكۈيە

  • قارىكۈيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+كۈيە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بۇغداي، قوناق، كۆممىقوناق قاتارلىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر يۇقۇملىنىدىغان بىرخىل كېسەللىك. ئادەتتە ئۇلارنىڭ كېسەللەنگەن قىسمىدا قارا رەڭدىكى توزانلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

قارىگۈل

  • قارىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① لەيلىگۈلنىڭ بىر تۈرى. گۈلى بىنەپشە رەڭدە ئېچىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى. قۇرۇغاندا قارىيىدۇ. ئادەتتە بوياق قىلىنىدۇ.

قارىلاشماق

  • قارىلاشماق[يەشمىسى:] «قارىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىرنېمىلەرنى دېمەكچى بولدى، لېكىن بوۋاينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈنلا مەتنىيازنى ئوچۇق قارىلاشمىدى.

قارىلاق

  • قارىلاق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايى قارا ياكى قارىغا مايىل؛ قارا:[مىسال:] سەن ئۇنىڭ نېمىسى دەپ سورايدۇ ئۇ ياش، بۇ قارىلاق تەنتەكنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈپ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىرايى قارا ياكى قارىغا مايىل كىشى:[مىسال:] ئۇ قارىلاقنى نەدىن تېپىپ كەلدىڭ

قارىلانغۇچى

  • قارىلانغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىلانغان ئادەم، ئەيىبلەنگۈچى.

قارىلانماق

  • قارىلانماق[يەشمىسى:] «قارىلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەن مۇشۇ خەت تۈپەيلىدىن ناھەق قارىلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىلدە خورلۇققا چىدىماي ئۆلۈۋېلىشىنىمۇ ئويلىغانىدىم.

قارىلىغۇچى

  • قارىلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر سەۋەب بىلەن باشقىلارنى قارىلايدىغان ئادەم؛ ئەيىبلىگۈچى.

قارىلىق Ⅰ

  • قارىلىق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارا ھالەت، قارا كۆرۈنۈش:[مىسال:] كەلسە ئىھ، ئاراملىق تاڭنىڭ مەزگىلى، قارىلىق نامىمدىن بولسام مەنمۇ ئاق. تەتقىقات ئىشىمنى ئەتسەم ۋە داۋام، پەن بىلىم يولىدا ئۆرلىسەم ھەر ۋاق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر يېقىن كىشىسى ياكى مۆتىۋەر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن كىيىلىدىغان، ئارتىلىدىغان ياكى باغلىنىدىغان:[مىسال:] ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، داغىلە خوجا ئەكبەر پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئالدىدا قارىلىق كىيىملەر بىلەن پەيدا بولۇپتۇ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق چاغلاردا كىيىلىدىغان كىيىم؛ رومال، بەلۋاغ قاتارلىقلار:[مىسال:] قارىلىق باغلىماق. قارااد-خۇراملىق ۋە شۇنىڭدەك ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن ئۆزىنى خالىي تۇتۇش، چەكلەش:[مىسال:] قارىلىق تۇتماق. قارىلىقىنى سۇندۇرماق.⑤ [يەشمىسى:] يامانلىق، زەھەرخەندىلىك:[مىسال:] كۆڭلى قارىلىق قىلماق.

قارىلىقⅡ

  • قارىلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچچىلار ياغاچقا قارا تارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب. ئۇنىڭ قارا رەڭ قاچىلىنىدىغان قۇتىسى ۋە ياغاچنىڭ يۈزىگە ئىز چىقىرىدىغان ئىنچىكە يىپى بولىدۇ.

قارىلىماقⅠ

  • قارىلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئۈستىگە يوق گۇناھنى ئارتماق؛ بىكاردىن-بىكار ئەيىبلىك، گۇناھكار دەپ قارىماق؛ قارا چاپلىماق؛ تۆھمەت قىلماق:[مىسال:] ئۇ مېنى ناھەق قارىلىدى.

قارىلىماقⅡ

  • قارىلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قارىغا ئالماق، نىشانغا ئالماق، توغرىلىماق، ئۇدۇللىماق، چەنلىمەك، نىشانلىماق:[مىسال:] بىز پىلىموتنى دۈشمەننىڭ پوتىيىگە قارىلاپ قويدۇق.

قارىماتاق

  • قارىماتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارا تۈسلۈك، چىرايى قارىراق كەلگەن ئادەملەرنى كەمسىتىپ ئېيتىلىدىغان سۆز:[مىسال:] نەرىنىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانسەن ئۇ قارىماتاقنىڭ دېدى ئاپىسى خاپا بولۇپ.

قارىماستىن

  • قارىماستىن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] ئېتىبار بەرمەستىن، پىسەنت قىلماستىن، پەرۋا قىلماي، ھېسابلاشماي:[مىسال:] قار ئۇچقۇنلىرى يۈزگە ئۇراتتى. ھاكىم ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماستىن ھاسىراپ ماڭاتتى.

قارىماق

  • قارىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆرۈش ئۈچۈن كۆزىنى بىرەر تەرەپكە، نەرسە ياكى بىركىمگە قاراتماق؛ كۆز تاشلىماق:[مىسال:] يىراققا قارىغاننىڭ كۆزى ئۆتكۈر (ماقال). * ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭگە قارا (ماقال). [يەشمىسى:] ② پەرۋىش قىلماق، باقماق، خەۋەر ئالماق، كۈتمەك:[مىسال:] كېسەلگە قارىماق. زىرائەتكە قارىماق. [يەشمىسى:] ③ خىيالەن نەزەر تاشلىماق، پىكرەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەك، كۆز تىكمەك:[مىسال:] ئۆتمۈشكە بىر قارىماق. كېلەچەككە ئىشەنچ بىلەن قارىماق [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] ... دەپ ھېسابلىماق، تونۇماق … دەپ بىلمەك، چۈشەنمەك:[مىسال:] ئېتىبارسىز قارىماق.⑤ [يەشمىسى:] ئاساسلانماق، باقماق:[مىسال:] ئىپادىسىگە قارىماق. * چىشىمغا قارىما، ئىشىمغا قارا (ماقال). * بىلەككە قارىما، يۈرەككە قارا (ماقال). * كىشىنىڭ تىلىغا ئەمەس، دىلىغا قارا. (ماقال).⑥ [يەشمىسى:] بىرەر تەرەپكە يۆنەلمەك، توغرىلانماق، ئۇدۇللانماق:[مىسال:] ئۇ كەينىگە داجىپ، ئورمان ئىچىگە قاراپ قاچتى.⑦ [يەشمىسى:] ياردەملەشمەك، قاراشماق:[مىسال:] ئالماس بولسا، موماي بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ: شانىياز خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئۆي ئىشلىرىغا قارىيالماپتۇ، ياخشى بولماپتۇ، دېدى.⑧ [يەشمىسى:] تەلمۈرمەك؛ ساقلىماق؛ كۈتمەك:[مىسال:] تاغدىن كەلگەن شامالدىن مەن يارىمنى سورايمەن. يارىمنى كېلەرمۇ دەپ يولغا چىقىپ قارايمەن.⑨ [يەشمىسى:] بايقىماق، سەزمەك:[مىسال:] سۇلتان ئۇيقۇ ئىچىدە قوناق شاخلىرىنىڭ شاراق-شۇرۇق قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇردى. قارىسا، ئىش چاتاق پۇقراچە كىيىنگەن تۆت-بەش ئادەم بۇ تەرەپكە كېلىۋېتىپتۇ.01 [يەشمىسى:] ئىتائەت قىلماق، بويسۇنماق؛ ئىختىيارىدا، قارمىقىدا بولماق:[مىسال:] خوتۇن ئەرگە قارايدۇ، ئەر يەرگە (ماقال).11 [يەشمىسى:] كۆڭۈل بەرمەك، نەزەرىنى سالماق:[مىسال:] شۇنداق ئابرويى بولمىغان ئەرگە قىز بالا قارىمايدۇ.21 [يەشمىسى:] كۆزدىن كەچۈرمەك، تەكشۈرمەك:[مىسال:] بىز ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە قاراپ چىقتۇق.Ⅱ31 [يەشمىسى:] شەخسكە قارىتا ئېيتىلىپ تەئەججۈپلىنىش، ئەپسۇسلىنىش، ھەيران قېلىش ۋە نەپرەتلىنىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ شۇنچىۋالا ئەرزان سائەتنى ئالمىغىنىنى قارا. * يېڭى ھەمراھىم يامان نېمە ئىكەن كېلىپلا ئىشقا كىرىشىپ كەتكىنىنى قارىمامسىز.41 [يەشمىسى:] چېتىلما رەۋىشداشنىڭ يوقلۇق شەكلىدە كېلىپ، «پەرۋا قىلماستىن، پىسەنت قىلماي» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بوران چىقىۋاتقىنىغا قارىماي، ھاجى ئۇنى ھۇجرىسىغا چاقىرتىپ كەلدى.

قارىماققا

  • قارىماققا[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] يۈزەكى چۈشەنچە بىلەن قارىغاندا، مۇنداقلا قاراشقا:[مىسال:] بۇ گەپلەر قارىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر.

قارىماي

  • قارىماي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+ماي[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «ئاسفالت»قا قاراڭ:[مىسال:] قارىماي قەغەز.

قارىمايلىق

  • قارىمايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە قارىماي بار ياكى قارىماي ئارىلاشتۇرۇلغان، قارىمايغا ئىگە:[مىسال:] قارىمايلىق بېتون.

قارىمۇتۇق

  • قارىمۇتۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېرايى قارا ياكى قارىغا مايىل، قارامتۇل:[مىسال:] بۇ بوۋاي ئېگىز بويلۇق، قارىمۇتۇق ئادەم بولۇپ، ساقىلىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاقارغانىدى.

قارىمۇچ

  • قارىمۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+مۇچ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىمۇچ ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئەۋرىشىم غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەمى ئاچچىق، تەم تەڭشەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسسىقلىق دورىسى قىلىنىدۇ. سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى.

قارىمۇقⅠ

  • قارىمۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى مېۋىسى قارا، شارسىمان، ئۇرۇقى دورا قىلىنىدىغان بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەمى قىرتاقراق، تەبىئىتى مۆتىدىل، زەھەرسىز. قاننى جانلاندۇرۇپ، خۇن ماڭدۇرىدۇ، سۈت كەلتۈرىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.

قارىمۇقⅡ

  • قارىمۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاق قوناققا چۈشىدىغان قارا كۈيە:[مىسال:] قارىمۇق كېسەللىكى.

قارىمۇقارشى

  • قارىمۇقارشى[يەشمىسى:] ① بىرى يەنە بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بولغان، بىر-بىرىگە قاراپ تۇرغان، روبىرو:[مىسال:] قارىمۇقارشى بىنالار. قارىمۇ قارشى بۇلۇڭلار.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان، خىلاپ، زىت، بىرى ئىككىنچىسىنى ئىنكار قىلىدىغان؛ بىرى ئىككىنچىسىگە مۇخالىپ، قارشى ياكى دۈشمەن:[مىسال:] قارىمۇقارشى مۇناسىۋەت. قارىمۇ قارشى كۈچلەر.

قارىمۇقارشىلىق

  • قارىمۇقارشىلىق[يەشمىسى:] ① قارىمۇقارشى ھالەت:[مىسال:] پىكىرلەرنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىرى ئىككىنچىسىنى ئىنكار قىلىدىغان ئۆزئارا زىت پىكىر، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلار؛ زىددىيەت، ئىختىلاپ:[مىسال:] ئىچكى قارىمۇقارشىلىق. سىنىپىي قارىمۇقارشىلىق.

قارىنباغ

  • قارىنباغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارىن+باغ[[يەشمىسى:] ئېگەرنىڭ ئاتقارنىدىن ئايلاندۇرۇپ باغلاپ قويۇلىدىغان تاسمىس.

قارىئۆرۈك

  • قارىئۆرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+ئۆرۈك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. مېۋىسىنى ئىستېمال قىلىشقا ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.

قارىئۆڭكۈر

  • قارىئۆڭكۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+ئۆڭكۈر[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] تەرەققىي قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا يەتكەن تۇرغۇن يۇلتۇز. ئۇ نېيترون يۇلتۇزىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قىسقىرىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان بولۇپ، ئىنتايىن زور تارتىشىش كۈچى مەيدانىغا ئىگە.

قارىۋاستى

  • قارىۋاستى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+باس+تى[[يەشمىسى:] بىراۋنى ئازدۇرۇش، غەپلەتتە قويۇش، مال-مۈلكىگە زىيان سېلىش ھەرىكىتى:[مىسال:] قارىۋاستى قىلماق.

قارىۋاي

  • قارىۋاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+باي[[يەشمىسى:] چىرايى ۋە بەدىنىنىڭ تېرىسى قارا ياكى قارىغا مايىل، قارا تۈسلۈك، قارىمۇتۇق:[مىسال:] ئۇ بۇرۇن ھەدىسىنىڭ ئېرى قارىۋاي ئوسماننىڭ كوممۇنىست ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

قارىئېجىرىق

  • قارىئېجىرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە ئۇ ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ياخشى خەشىكى ھېسابلىنىدۇ. يىلتىزسىمان غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، قاننى ساپلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.

قارىي

  • قارىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قۇرئاننى قىرائەت بىلەن يادقا ئوقۇيدىغان كىشى:[مىسال:] خۇدا خالىسا، مەن ئوغلۇمنى قارىي قىلىمەن، دېدى ئىمام.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

قارىياغاچ

  • قارىياغاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+ياغاچ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىياغاچ ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچى قۇرۇلۇشقا ياكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

قارىياغاچلىق

  • قارىياغاچلىق[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] قارىياغىچى بار، قارىياغاچ كۆپ ئۆسكەن، قارىياغاچ بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] قارىياغاچلىق يېزا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىياغاچ كۆپ ئۆسكەن يەر، قارىياغاچ بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] داۋانچىڭدىن قوزغىلىپ سايئوپىغا قاراپ يول ئالغان ھارۋىلار قارىياغاچلىقلار ئارىسىدىكى قاتتىق يوللاردا كېتىۋاتاتتى.

قارىياڭاق

  • قارىياڭاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قارا+ياڭاق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① ياڭىقى قارا، باشقا يەرلىرى ئاق كەلگەن قوي. [يەشمىسى:] ② تۇغۇلغىنىغا بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولغان جەرەن بالىسى.

قارىيچىلاپ

  • قارىيچىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قارىيلار ئۇسۇلىدا، قارىيلارغا ئوخشاش، قارىيلارچە:[مىسال:] قارىيچىلاپ ئوقۇماق.

قارىيخانا

  • قارىيخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىيلار ئوقۇيدىغان، قارىيلار قىرائەت قىلىدىغان جاي.

قارىيلىق

  • قارىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرئاننى يادقا ئوقۇش ئىقتىدارى، سالاھىيىتى.

قار-يامغۇر

  • قار-يامغۇر[يەشمىسى:] قار ۋە يامغۇر:[مىسال:] بۇ قار-يامغۇر تولا ياغمايدىغان جاي.

قازا

  • قازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆلۈم، ئۆلۈش؛ ۋاپات بولۇش؛ ئۆلۈم سائىتى، ئەجەل:[مىسال:] قازا تاپماق. * بەخت تاق كېلىپ، جۈپ قىلىدۇ؛ قازا جۈپ كېلىپ، تاق قىلىدۇ (ماقال). جان بار يەردە قارا بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② بالا، بالا-قازا، پالاكەت، بەختسىزلىك، ئاپەت:[مىسال:] قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر (ماقال). [يەشمىسى:] ③ ۋاقتىنى، پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش:[مىسال:] نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇماق.

قازارا

  • قازارا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قازاسى سۆرەپ، قازا يېتىپ؛ بەختسىزلىككە ئۇچراپ؛ ئۇشتۇمتۇت، تاسادىپىي:[مىسال:] قازارا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆلۈپ قالسا، بۇ سىرنى ھېچكىم بىلمەي قالمامدۇ.

قازاق

  • قازاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار (قازاقلار) ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا، ئۇنىڭدىن قالسا گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. چەت ئەللەردە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

قازاقچە

  • قازاقچە[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] قازاقلارغا، قازاق خەلقىگە، قازاق تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت؛ قازاق خەلقىگە خاس:[مىسال:] قازاقچە ئۇسسۇل. قازاقچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] قازاق تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] ئۇ قازاقچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قازاق تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىپ:[مىسال:] قازاقچە سۆزلىمەك.

قازالىماق

  • قازالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قازا قىلماق، قازا تاپماق، ئۆلمەك:[مىسال:] چوڭ دادام بار، ئاپام ئۆتكەن يىلى قازالاپ كەتتى، دېدى ئۇ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ.

قازان

  • قازان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاماق پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېرىم شار شەكىللىك قۇيما چويۇن ئىدىش. ئۇنىڭ تۆت قۇلىقى بولىدۇ:[مىسال:] قازان ئاسماق. * قازانمۇ ماي، چۆمۈچمۇ ماي بولماق. [يەشمىسى:] ② ئىچىگە سۇيۇقلۇق قاچىلاپ، ئىسسىتىش ئارقىلىق پار ھاسىل قىلىدىغان يېپىق قۇرۇلما:[مىسال:] پار قازىنى. يۇقىرى بېسىملىق قازان.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] تىرەك ئوق ئورنىتىلىدىغان دېتال. ئوق ئادەتتە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «سىيرىلما قازان» ۋە «دومىلىما قازان» قاتارلىق بىر نەچچە خىل تۈرلىرى بولىدۇ.

قازىنىغا توپا چاچماق

  • قازىنىغا توپا چاچماق[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماق، ئېشىغا توپا سالماق:[مىسال:] − ئاچ كۆزلۈك قىلماڭ، ئاكا، باشلىق قىل دېدى دەپ كۆپنىڭ قازىنىغا توپا چاچسىڭىز بولامدۇ؟ − دېدى ئۇ بالا ھېلىقى كىشىگە نەسىھەت قىلىپ.

قازانچاق

  • قازانچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك قازان، قازاننىڭ كىچىكى.

قازانچى

  • قازانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قازان قۇيىدىغان ۋە ئۇنى ساتىدىغان ئادەم:[مىسال:] قۇلاقنى نەدىن چىقارسا، قازانچىنىڭ ئىختىيارى (ماقال).

قازانچىلىق

  • قازانچىلىق[يەشمىسى:] قازان قۇيۇش ھۈنىرى، كەسپى:[مىسال:] قازانچىلىق قىلماق. قازانچىلىق بىلەن شۇغۇللانماق.

قازانخانا

  • قازانخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قازان ئورنىتىلغان ئۆي:[مىسال:] زاۋۇت قازانخانىسى.

قازاندۇرماق

  • قازاندۇرماق[يەشمىسى:] «قازانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇتۇق قازاندۇرماق. نەتىجە قازاندۇرماق. ئابروي قازاندۇرماق.

قازانلىق

  • قازانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قازىنى بار، قازان ئورنىتىلغان.[يەشمىسى:] ② قازان قۇيۇشقا لايىق، قازان قۇيۇشقا يېتىدىغان:[مىسال:] ئىككى قازانلىق چويۇن.

قازان-قومۇچ

  • قازان-قومۇچ[يەشمىسى:] تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قازان ۋە شۇ خىلدىكى ئۆي جابدۇقلىرى:[مىسال:] رۇقىيە ھەدىسىگە ياردەملىشىپ قازان-قومۇچ يۇيۇۋاتاتتى.

قازانماق

  • قازانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قولغا كەلتۈرمەك، ئىگە بولماق، ئېرىشمەك، سازاۋەر بولماق، مۇيەسسەر بولماق:[مىسال:] شۆھرەت قازانماق. غەلىبە قازانماق. مۇۋەپپەقىيەت قازانماق.

قازانيۇغۇچ

  • قازانيۇغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قازان+يۇغۇچ[[يەشمىسى:] قازان-قۇمۇچلارنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان لاتا.

قازايىقەدەر

  • قازايىقەدەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقا كەلگەن، بالا-قازا، پېشكەللىك، كېلىشمەسلىك:[مىسال:] بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەلگەن قازايىقەدەر ئۇنىمۇ ھالاك قىلغىلى تاسلا قالدى.

قازدۇرماق

  • قازدۇرماق[يەشمىسى:] «قازماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىسى پادىشاھ بىر تاغ ئارىسىغا بېرىپ ئۆيگە ئوخشاش قىلىپ بىر زىندان قازدۇرۇپتۇ.

قازما

  • قازما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان نەرسە، بۇيۇم:[مىسال:] قېزىلما. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەر ئاستىدىن قېزىۋېلىنغان، قېزىلىدىغان:[مىسال:] قازما بايلىق.

قازماق

  • قازماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يەرنى كولاپ، چېپىپ، ئويۇپ چوڭقۇر قىلماق؛ كولىماق:[مىسال:] ئۆستەڭ قازماق. ئورا قازماق. خەندەك قازماق. گۆز قازماق. ئۇل قازماق.[يەشمىسى:] ② يەر ئاستى بايلىقلىرىنى كولاپ چىقارماق، ئالماق:[مىسال:] كۆمۈر قازماق. رۇدا قازماق. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاختۇرۇپ، ئىزدەپ تاپماق:[مىسال:] ئۇستاز شەيخ سەئىدى ھېكمەتلەر ئالىمدىن شۇنچە ھېكمەتلەرنى قازدى.

قازمىچىلىق

  • قازمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر ئاستىدىكى كان بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىرىش كەسپى:[مىسال:] قازمىچىلىق سانائىتى.

قازناق

  • قازناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسە-كېرەك ساقلىنىدىغان ئىچكىرىكى كىچىك ئۆي، خانا:[مىسال:] دادام قازناقتا يوق (ماقال). * ئىلگىرى باغدادتىن كەلسە، ھازىر قازناقتىن چىقار (ماقال).

قازى

  • قازى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئۆتمۈشتە شەرىئەت قانۇنى بويىچە دەۋا ئىشلىرىنى سورايدىغان ئەمەلدار:[مىسال:] قازى بولماق. *دەۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتتەھەم بولۇپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② مەشرەپ، ئەلنەغمە ئويۇنلىرىدا باشقۇرۇش ۋە كەتكۈزۈپ قويغانلارنى جازالاشقا مەسئۇل بولغان كىشى.

قازىخانا

  • قازىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قازىنىڭ ئىش بېجىرىش ئىدارىسى، مەھكىمىسى:[مىسال:] قازىخانىدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىشرەتنى ئالدىغا سېلىپ ئوردىغا قاراپ كېتىشتى.

قازى-قۇززات

  • قازى-قۇززات [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قازى ۋە باش قازى قاتارلىقلار:[مىسال:] پادىشاھ ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دەرھال قازى-قۇززاتلارنى چاقىرىپتۇ-دە، كامالنىڭ قىزىنى ئۆزىگە نىكاھ قىلدۇرۇپتۇ.

قازىكالان

  • قازىكالان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] باش قازى، چوڭ قازى:[مىسال:] شەھەرنىڭ قازىكالانلىرى ئامبالدىن ھىبىبۇللا مۇپتىھاجىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىدى.

قازىلىق

  • قازىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قازىغا يۈكلەنگەن ئىش، مەنسەپ:[مىسال:] قازىلىق قىلماق. * چوڭ قازى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنى قازىلىققا تەيىنلەپتۇ.

قازىنىشماق

  • قازىنىشماق[يەشمىسى:] «قازانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتا نەتىجە قازىنىشتى.

قازىنىلماق

  • قازىنىلماق[يەشمىسى:] «قازانماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پۈتۈن سەپ بويىچە قازىنىلغان بۇ غەلىبە پەقەت ئىچكى كۈرەشنىڭ مۇقەددىمىسىلا ئىدى، خالاس.

قاس

  • قاس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قول ئۈگىلىرىنى ئۇۋۇلاش، ئۇسسۇلغا تەڭكەش قىلىپ بارماقلارنى چېكىش، قامچا ئۇرۇشتىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] قاس چىقارماق.

قاساتماقⅠ

  • قاساتماقⅠ[يەشمىسى:] «قاسىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنى يەر قاسىتىپ ئۆلتۈرىۋېتىمەن.

قاساتماقⅡ

  • قاساتماقⅡ[يەشمىسى:] «قاسىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چاپان قاساتماق. كۆڭلەك قاساتماق.

قاساشماقⅠ

  • قاساشماقⅠ[يەشمىسى:] «قاسىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىزگە توۋا قىلىپ يەر قاساشتى.

قاساشماقⅡ

  • قاساشماقⅡ[يەشمىسى:] «قاسىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆنلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار زەدىۋالنى قاسىشىپ بولدى.

قاساق

  • قاساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەكلەرنىڭ قاتلاپ قاساپ تىكىلگەن يېرى.

قاساقلىق

  • قاساقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاسالغان، قاساپ قويۇلغان.

قاسالماق

  • قاسالماق[يەشمىسى:] «قاسىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاسساپ

  • قاسساپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مال سويىدىغان ۋە گۆش ساتىدىغان ئادەم:[مىسال:] قوينى قاسساپ سويسۇن (ماقال).

قاسساپچىلىق

  • قاسساپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاسساپلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولمىغانلىقتىن يەنىلا بۇرۇنقى قاسساپچىلىقىنى تېپىۋالغانىدى.

قاسساپخانا

  • قاسساپخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قاسساپلار گۆش ساتىدىغان ئۆي، دۇكان.

قاسساپلىق

  • قاسساپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مال سويۇش، گۆش سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] قاسساپلىق قىلماق.

قاسسىدە

  • قاسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «قاس» قىلغان ھالدا، «قاس» قىلىپ.

قاس-قاس

  • قاس-قاس[يەشمىسى:] «قاس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

قاسقان

  • قاسقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① غەلۋىر، ئەلگەك، چاق ۋە بەزى باش كىيىمى قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىدىكى گەردىش؛ چەمبىرەك:[مىسال:] غەلۋىر قاسقىنى. ∥ قاسقان شەپكە.[يەشمىسى:] ② مانتا ۋە شۇ خىل تائاملارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ، قومۇش قاتارلىقلاردىن مەخسۇس ياسالغان نەرسە ۋە ئۇنىڭ ھەربىر چەمبىرىكى:[مىسال:] ھېلىم ئاشىق ئاشخانا ئالدىغان كېلىپ قاسقاندىكى مانتىدىن بىرنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى.

قاسقانلىق

  • قاسقانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاسقىنى بار، قاسقان ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئىچىدە قاسقانلىق شەپكە كىيگىنى شەھەر ساقچىسى ئىدى.

قاس-قۇس

  • قاس-قۇس[يەشمىسى:] «قاس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] مامۇت ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇنىڭ يۈزىگە قاس-قۇس ئىككى شاپىلاق سالدى.

قاسماق

  • قاسماق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەك كىرلىشىپ كەتكەن، مەينەت:[مىسال:] ئۇنىڭ شەپكىسى قاسماق يەنە چاپىنىنىڭ بىرمۇ تۈگمىسى يوق. *ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ قاسماق باسقان ھەم ئاۋارە ئىدى.

قاسماقلاشماق

  • قاسماقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاسماق بولۇپ كەتمەك، ئۈستى-ئۈستىلەپ كىرلىشىپ كەتمەك، قاسماق باغلىماق:[مىسال:] ئۇ ئۇچىسىغا ئۇزۇن قارا نىمچە كىيىپ، كىر داكا رومال ئارتقان، قولىدا بولسا، قاسماقلىشىپ كەتكەن شېشە ساڭگىلاپ تۇراتتى.

قاسناق

  • قاسناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ يېنى، يان تەرىپى، ياقىسى؛ گىرۋەك، بوي:[مىسال:] دەريانىڭ قاسنىقى. كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقى.

قاسناقلىق

  • قاسناقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاسنىقى، گىرۋىكى بار؛ گىرۋەكلىك:[مىسال:] قاسناقلىق كۆڭلەك.

قاسىراق

  • قاسىراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەزى يۇمشاق تەنلىك ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرتقى قېپى، پوستى. ھايۋانلارنىڭ قاسىرىقى ئاساسەن كالتسىيلىق ماددا ۋە پىگمېنتلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇ ئادەتتە قاتتىق بولۇپ، تەننى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

قاسىراقچە

  • قاسىراقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك قاسىراق. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كىچىك باشىقىنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرىدىغان شەكىل ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق.

قاسىراقسىز

  • قاسىراقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاسىرىقى يوق، قاسىراق بولمىغان.

قاسىراقلىق

  • قاسىراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاسىرىقى بار، قاسىرىقى بولغان:[مىسال:] قاسىراقلىق ھايۋانلار.

قاسىر-قۇسۇر

  • قاسىر-قۇسۇر[يەشمىسى:] قول بىلەن بىراۋنىڭ تەستىكىگە ئۇرغان، بىرنەرسە يەنە بىرنەرسىگە تەگكەن ياكى ئات-ئېشەكلەر قۇرۇق ئوت-چۆپ يېگەن چاغدا چىققان ئاۋازلار:[مىسال:] ئاتلارنىڭ قاسىر-قۇسۇر ئوت چايناشلىرى ۋە ئەتراپتىكى خورازلارنىڭ قىچقىرىشلىرىلا بۇ جىملىقنى بۇزاتتى.

قاسىرماق

  • قاسىرماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پولۇ، گاڭپەن قاتارلىق تاماقلارنىڭ قازاننىڭ تېگىگە چاپلىشىپ پىشقان قاتتىقراق قىسمى؛ قىرماق، قازان تېگى:[مىسال:] پولۇنىڭ قاسىرمىقىنى يېمەك.[يەشمىسى:] ② دەرەخ ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنىڭ سىرتقى قەۋىتى، پوستى؛ قاسىراق:[مىسال:] تېرەكنىڭ قاسىرمىقى. تالنىڭ قاسىرمىقىنى سويماق.

قاسىلداتماق

  • قاسىلداتماق[يەشمىسى:] «قاسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساۋۇر بارماقلىرىنى ئاستا قاسىلدىتىپ، ئانىسىغا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى.

قاسىلداشماق

  • قاسىلداشماق[يەشمىسى:] «قاسىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاسىلدىماق

  • قاسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قاس-قاس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «قاس-قاس» قىلماق.

قاسىماقⅠ

  • قاسىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چىشلەپ، ئۈزۈپ ئالماق؛ غاجىماق:[مىسال:] ئۇ قولىدىكى ناننىڭ يېرىمىنى ئىككى قاساپلا يەۋەتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارقىسىدىن يامان گېپىنى قىلماق، غەيۋەت قىلماق، تىللىماق:[مىسال:] مەن تۇرمۇشتا بىر-بىرىنى پۇتلاش، غاجاش، قاساشلارنىمۇ شۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇچرىتىپ تۇرۇپتىمەن.

قاسىماقⅡ

  • قاسىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۈكلەپ تىكمەك، پەرلىمەك (كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار ھەققىدە).

قاشⅠ

  • قاشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆز قاپىقىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تۈكلەردىن تەشكىل تاپقان يايسىمان سىزىق:[مىسال:] قارا قاش. قاش ئاتماق. * بېشىدا بارنىڭ قېشىدا بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئېگەرنىڭ ئادەم ئالدى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان يايسىمان قىسمى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزى ئارقىلىق ئېگىرىنىڭ قېشىغا ۋە ئاتنىڭ يالىغا تېمىشقا باشلاپتۇ.

قاش قارايماق

  • قاش قارايماق[يەشمىسى:] كەچ كىرىپ كۆز باغلىنىدىغان چاغ بولماق:[مىسال:] بۇ چاغدا قاش قارىيىپ قالغانىدى.

قاشⅡ

  • قاشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىركىمنىڭ ھۇزۇرى، يان، ئالدى:[مىسال:] شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېشىغا ئالماس، لەيلىگۈللەر يېتىپ كېلىشتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئورۇنلاشقان يېرى، يېنى، تۈۋى ياكى ئەتراپى:[مىسال:] ئاخىرى ئۇ چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىدىكى كونا تۈگمەن قېشىغا كېلىپ، بىر دەرەخنىڭ كۆتىكىدە ئولتۇردى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇرۇم ئاياغلارنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمىنىڭ ئۇپراپ كەتكەن يېرىگە قويۇپ مىخلاش ئۈچۈن تەييارلانغان، كۆن، خۇرۇم قاتارلىق نەرسىلەردىن كېسىلگەن كىچىك پۇرۇچ، بۆلەك:[مىسال:] ئاياغنىڭ چەمىگە قاش قويدۇرماق. * يارىم توپلەي كىيىپتۇ، پاشنىسىغا قاش قويۇپ، قاچانلىققا ياتارمىز، بىر تەكيىگە باش قويۇپ.

قاشⅢ

  • قاشⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەريا، كۆل، ئۆستەڭ قاتارلىقلارنىڭ ياقىسى، يېنى، بويى:[مىسال:] يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا چىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② سۇنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ كېلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياسالغان توسۇق، قىر:[مىسال:] ھەر يىلى ئەتىياز پەسلى كېلىش بىلەنلا ئۆستەڭ چېپىپ، قاش ياساش، بۇلاقلارنىڭ كۆزىنى ئېچىش باشلىناتتى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۆلەك، تەرەپ:[مىسال:] ئۇلار ئۆزئارا پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەي، ئىككى قاشقا بۆلۈنۈپ كەتتى.

قاشا (قاشاسى)

  • قاشا (قاشاسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر دائىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن توسۇلغان توسۇق:[مىسال:] قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس (ماقال).

قاشارتماق

  • قاشارتماق[يەشمىسى:] «قاشارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پىچاقنى قاشارتماق. ئورغاقنى قاشارتماق.

قاشارتىلماق

  • قاشارتىلماق[يەشمىسى:] «قاشارتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاشارماق

  • قاشارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاشاڭ، گال بولۇپ قالماق؛ گاللاشماق:[مىسال:] پىچاق قاشاردى. قىڭراق قاشاردى. ئورغاق قاشاردى.

قاشاق

  • قاشاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالىغاي، كۆزىنىڭ ئورۇنلىشىشى نورمال بولمىغان.

قاشاڭⅠ

  • قاشاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرە ياكى كۆنلەرنىڭ چۆرىسىدىن قىيىپ چىقىرىۋېتىلگەن قېلىن ھەم قېتىپ، قورۇلۇپ قالغان پارچىلىرى.

قاشاڭⅡ

  • قاشاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىتتىك، تېز ماڭمايدىغان، يۈرۈشى ئاستا، ھەرىكىتى سۇس:[مىسال:] قاشاڭ ئات. قاشاڭ ئېشەك. * قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە (ماقال).[يەشمىسى:] ② گال، ئۆتكۈر ئەمەس:[مىسال:] قاشاڭ پىچاق.[يەشمىسى:] ③ بىر ئىشقا پەقەت ئالدىرمايدىغان، قولىدىن بىرەر ئىش تېز چىقمايدىغان، ھەرىكىتى سۇس:[مىسال:] قاشاڭ ئايال.

قاشاڭلاشتۇرماق

  • قاشاڭلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاشاڭلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاشاڭلاشتۇرۇلماق

  • قاشاڭلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاشاڭلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاشاڭلاشماق

  • قاشاڭلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم پائالىيەت جەھەتتە سۇس بولۇپ قالماق؛ قاشاڭ ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ھېلىقى چاغدا مەن مىنگەن ئات ھازىر بەك قېرىپ قاشاڭلىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② گال بولۇپ قالماق، ئۆتكۈرلۈكىنى يوقاتماق:[مىسال:] پالتا بەك قاشاڭلىشىپ كېتىپتۇ.

قاشاڭلىق

  • قاشاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گاللىق، ئۆتمەسلىك؛ ھەرىكىتى سۇسلۇق:[مىسال:] ئىككى ياندىكى كىشىلەر بولسا، مېنىمۇ كۆرۈڭلار دېگەندەك قىلىپ قاشاڭلىق بىلەن تۇرۇۋالغان كالىلارغا قاراپ پاراقلاپ كۈلەتتى.

قاشالاتماق

  • قاشالاتماق[يەشمىسى:] «قاشالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاشالاشماق

  • قاشالاشماق[يەشمىسى:] «قاشالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاشالانماق

  • قاشالانماق[يەشمىسى:] «قاشالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھويلا سوقما تام بىلەن قاشالانغانىدى.

قاشالىق

  • قاشالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاشا بىلەن توسۇلغان، قاشا قىلىنغان، قاشالانغان:[مىسال:] قاشالىق ھويلا. قاشالىق باغ. قاشالىق ئېتىز.

قاشالىماق

  • قاشالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر دائىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئەتراپىنى توسۇپ قويماق، قاشا قىلماق:[مىسال:] بەزى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى بىرقانچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ياش ئورمان بەلۋاغلىرىنى قومۇش بىلەن قاشالىدى.

قاشتاش

  • قاشتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاش+تاش[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. سىپتا ۋە پارقىراق كېلىدۇ. قاتتىق قاشتاش ۋە يۇمشاق قاشتاش دەپ ئايرىلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ ۋە نەققاشچىلىققا ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

قاشتاشچى

  • قاشتاشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاشتاش ئېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ھەرخىل بۇيۇملار ياسايدىغان كىشى.

قاشتاشسىمان

  • قاشتاشسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاشتېشىغا ئوخشاش، قاشتېشى شەكلىدىكى.

قاششاق

  • قاششاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتايىن كەمبەغەل، بەك نامرات:[مىسال:] قاششاق ئادەم. قاششاق دېھقان.

قاششاقلاشتۇرماق

  • قاششاقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاششاقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاششاقلاشتۇرۇشماق

  • قاششاقلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قاششاقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاششاقلاشتۇرۇلماق

  • قاششاقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاششاقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاششاقلاشماق

  • قاششاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىنتايىن كەمبەغەللەشمەك، نامراتلاشماق:[مىسال:] ئەزالار نېمىدېگەن قاششاقلىشىپ كەتكەن-ھە

قاششاقلىق

  • قاششاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاششاق ھالەت:[مىسال:] ئاشلىقىمىزنىڭ كەملىكىگە كەلسەك، بۇ بىر تەرەپتىن، دېھقانلىرىمىزنىڭ قاششاقلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن، شارائىتىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن بولغان.

قاشقا

  • قاشقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئات-ئۇلاغلارنىڭ پېشانىسىدىكى ئاق تۈك ئۈنگەن يېرى، ئاق بەلگىسى:[مىسال:] ئاتنىڭ قاشقىسى. قاشقىسى بار ئات.[يەشمىسى:] ② پېشانىسىدا شۇنداق ئاق تۈكى، بەلگىسى بولغان ئۇلاغ؛ ئات:[مىسال:] يىگىت ھويلىنىڭ بىر چېتىدىكى ئاتخانىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كىرىپ، توقۇقلۇق تۇرغان جەدە قاشقىنى يېتىلەپ چىقتى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىسىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان يېرى، بەلگىسى:[مىسال:] توغرا، مېنىڭ قاشقام ئېنىق، شۇڭا، مەندىن ئانچە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر يەرنىڭ ئوتتۇرىسى، مەركىزى، كۆزى:[مىسال:] سەن سۇ ئامبىرىنى نەگە قۇرماقچى بولۇۋاتىسەن نەگە بولاتتى، مۇشۇ گۇڭشېغا، مۇشۇ گۇڭشېنىڭ دەل قاشقىسىغا

قاش-قاپاق

  • قاش-قاپاق[يەشمىسى:] قاش ۋە قاپاق؛ قاش:[مىسال:] قاش-قاپىقى جايىدا. قاش-قاپىقى چۈشمەك. قاش-قاپىقىنى تۈرمەك.

قاشقالداق

  • قاشقالداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پېشانىسىدا ئاق قاشقىسى بار، رەڭگى قارا، تۇمشۇقى ئاق بىر خىل قۇش.

قاشقۇنچۇق

  • قاشقۇنچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بالىلار ئوينايدىغان پوڭزەك ئويۇنىنىڭ بىر تۈرى.

قاشقەلەم

  • قاشقەلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاش+قەلەم[[يەشمىسى:] قاش بوياشتا ئىشلىتىلىدىغان قېرىنداش شەكلىدىكى گىرىم بۇيۇمى.

قاشقىر

  • قاشقىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۈزۈمنىڭ بىر تۈرى. ئادەتتە مېۋىسىنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن «ئاق قاشقىر» ۋە «كۆك قاشقىر» دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى (ئۈزۈمى):[مىسال:] بىر ساپاق قاشقىر.

قاشقىلىق

  • قاشقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پېشانىسىدا قاشقىسى بار، قاشقىسى بولغان:[مىسال:] ئۇ پات-پاتلا ئاشۇ ئاق قاشقىلىق تورۇق ئېتىنى ئەسلەپ ئۇلۇغ-كىچىك تىناتتى.

قاشقىئوغلاق

  • قاشقىئوغلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاشقا+ئوغلاق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاغ ئورمانلىرىدا ياشايدىغان بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.

قاش-كۆز

  • قاش-كۆز[يەشمىسى:] قاش ۋە كۆز:[مىسال:] قاش-كۆزىنى ئويناتماق، قاش-كۆزى جايىدا.

قاش-كىرپىك

  • قاش-كىرپىك[يەشمىسى:] قاش ۋە كىرپىك:[مىسال:] بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ تۇرغۇن بىلەن قۇدرەتنىڭ خۇشلۇقىدىن قاش-كىرپىكلىرى ئويناپ كەتتى.

قاشلاتماق

  • قاشلاتماق[يەشمىسى:] «قاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاشلاشماق

  • قاشلاشماق[يەشمىسى:] «قاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاشلانماق

  • قاشلانماق[يەشمىسى:] «قاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاشلىغۇچ

  • قاشلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىنىڭ قېچىشقان يەرلىرىنى ياكى ئات-ئۇلاغلارنىڭ بوينىنى قاشلاش، تۈكىنى تاراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسالغان تارغاقسىمان ئەسۋاب؛ تاتىلىغۇچ.

قاشلىق

  • قاشلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېشى بار، قاش چىقىرىلغان:[مىسال:] قارا قاشلىق قىز. ئېگىز قاشلىق ئېگەر. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللار قېشىنى قارا قىلىش ئۈچۈن سۈرىدىغان بىر خىل قارا پەرداز بۇيۇمى؛ سۈرمە:[مىسال:] قاشلىق ئەتمەك. قاشلىق قويماق. قاشلىق سۈرمەك.

قاشلىقئوت

  • قاشلىقئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئوتلاق، ئېتىز قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدىغان بىر خىل ئوتنىڭ نامى.

قاشلىماقⅠ

  • قاشلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىنىڭ قىچىشقان يېرىنى ياكى ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرەر يېرىنى قول ياكى قاشلىغۇچ بىلەن تاتىلىماق:[مىسال:] باشنى قاشلىماق. *ئەخمەق ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلار (ماقال).

قاشلىماقⅡ

  • قاشلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاش پەيدا قىلماق، قاش ياسىماق، قاشنى ئېگىزلەتمەك، قىرلىماق:[مىسال:] دەريانىڭ قېشىنى قاشلىماق. * ئېتىزنىڭ قىرىنى قاشلىماق.

قاغا

  • قاغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورمان ياكى دالىلاردا ياشايدىغان رەڭگى قارا، قانىتى پارقىراق بىر خىل قۇش.[يەشمىسى:] ② قارتا ئويۇنىدىكى شەكلى قاغىغا ئوخشايدىغان قارا رەڭلىك بەلگە ۋە شۇ خىل بەلگىگە ئىگە قەغەز:[مىسال:] قاغىنىڭ تۇزى. قاغىنىڭ ئونلۇقى.

قاغا پوق يېمەستە

  • قاغا پوق يېمەستە[يەشمىسى:] تاڭ يورۇش بىلەنلا، قاق سەھەردە:[مىسال:] قاغا پوق يېمەستە كەلگۈچە چاي-پاي ئىچكەندىن كېيىن كەلسەڭ بولمامدۇ، دېدى ئۇ ماڭا تېرىكىپ.

قاغا پۇتى

  • قاغا پۇتى[يەشمىسى:] قىڭغىر-قىيسىق، سەت، گادىرماچ:[مىسال:] قاغا پۇتى خەت.

قاغا-قۇزغۇن

  • قاغا-قۇزغۇن[يەشمىسى:] قاغا ۋە قۇزغۇن، قاغا ۋە شۇ خىلدىكى قۇشلار:[مىسال:] شۇ ھامان ئاسماندىن بىر توپ قاغا-قۇزغۇنلار چۈشۈپ پادىشاھنىڭ ھارام گۆشىنى چوقۇپ يېگىلى باشلىدى.

قاغان

  • قاغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قەدىمكى سيانپىلار، جۇرجانلار، تۈركلەر، مۇڭغۇللاردىكى ئەڭ ئالى دەرىجىلىك مەنسەپ نامى. خان-پادىشاھ مەنىسىدە كېلىدۇ. مىلادىيە 402-يىلدىن باشلاپ قوللىنىلغان.

قاغجال

  • قاغجال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ناھايىتى بەك قۇرۇپ كەتكەن، قاقشال:[مىسال:] قاغجال دەرەخ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەك ئورۇقلاپ كەتكەن، ئورۇق، ئاۋاق:[مىسال:] قەمەرنىسا بۇ قاغجال ئايالنىڭ يېنىدا جىم ئولتۇراتتى.ق

تا بەك قاشاڭلىشىپ كېتىپتۇ.بۇرىي دەرىجىسى:

  • تا بەك قاشاڭلىشىپ كېتىپتۇ.بۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىزغىرىن شامال پوستەك باغلاپ كەتكەن يەرلەرنى قاغجىرىتاتتى.

قاغجىراشماق

  • قاغجىراشماق[يەشمىسى:] «قاغجىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاغجىراق

  • قاغجىراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ يېرىلغان، قاغجىراپ كەتكەن:[مىسال:] سۇ بولمىغانلىقتىن بىر تۈپ گىياھمۇ ئۈنمىگەن يار بېشى تۆپىلىكى ناھايىتى قاغجىراق ئىدى.

قاغجىرىماق

  • قاغجىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەك ئۇسساپ قۇرۇپ كەتمەك:[مىسال:] قاغجىراپ كەتكەن دەرەخلەر.

قاغدال

  • قاغدال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سولاشقان، قۇرۇغان (كۆچەت ھەققىدە):[مىسال:] ئىككى يىللىق شاپتۇل كۆچەتلىرى بولسا قاغدال بولۇپ، سۈپىتى ۋە تۇتۇش ئۈنۈمى تۆۋەن، راۋاجلىنىشى ئاستا بولىدۇ.

قاغدالما

  • قاغدالما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سولاشقان، قۇرۇغان:[مىسال:] قاغدالما دەرەخ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىق ئىش كۆرۈپ تەجرىبىلىك بولۇپ كەتكەن كىشى:[مىسال:] بۇ قاغدالما ھەممىنى بىلىدۇ.

قاغدالماق

  • قاغدالماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇرۇشقا باشلىماق، قۇرۇپ قالماق.

قاغدالمىلاشماق

  • قاغدالمىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاغدالما ھالەتكە كەلمەك.

قاغدالمىلىق

  • قاغدالمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاغدالما ھالەت.

قاغىتۇمشۇق

  • قاغىتۇمشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاغا+تۇمشۇق[[يەشمىسى:] ئىشىك، دەرۋازىلارنى ئېتىش، قۇلۇپلاشتا ھالقا ياكى زەنجىرنى ئىشىك ياكى يان ياغاچ بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر ئىلغۇچ. شەكلى قاغىنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ.

قاغىتىرناق

  • قاغىتىرناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاغا+تىرناق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پىياز ئائىلىسىدىكى باش باھاردا ئۆسىدىغان، كىچىك، كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى دورا قىلىنىدۇ، تەمى ئاچچىقراق، تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرسىز. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، زەھەرنى تارقىتىدۇ، ئىششىقلارنى ياندۇرۇپ، تۈگۈنچەكلەرنى يېشىدۇ.

قاغىقامغىقى

  • قاغىقامغىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاغا+قامغاق+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇرۇقى ئۇششاق ھەم كۆپ. يەر ئۈستى قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، تەمى قېرىق، تەبىئىتى سەل سوغۇق. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ياللۇغنى يوقىتىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

قاقⅠ

  • قاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① دەل، نەق، توپتوغرا:[مىسال:] قاق سەھەر. قاق چۈش.[يەشمىسى:] ② ھېچنېمىسى يوق:[مىسال:] قاق سەنەم. قاق سەنەم بولۇپ قالماق.

قاق پودا

  • قاق پودا[يەشمىسى:] تاڭ سەھەر ۋاقتىنى بىلدۈرىدىغان «بىرىنچى پونى ئاتقاندا، ئەتىگەندە، قاق سەھەردە؛ دەسلىپىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قاق پودا يېتىپ كەلمەك.

قاقⅡ

  • قاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر. مەسىلەن، ئۆرۈك قېقى، شاپتۇل قېقى، ئالما قېقى، قوغۇن قېقى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

قاقⅢ

  • قاقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغلاردىكى يامغۇر سۈيى يىغىلىپ ئۇزۇنغىچە سىڭىپ كەتمەيدىغان كۆلچەك.

قاقⅣ

  • قاقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاغا سايرىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ (ماقال).

قاقاچ

  • قاقاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قېتىپ قالغان بۇرۇن سۇيۇقلۇقى:[مىسال:] ئۇ ئۇزۇن ۋە ئۇچلۇق ئۆسكەن چىمچىلاق قولىنىڭ تىرنىقى بىلەن تۈكلۈك بۇرنىنىڭ قاقاچلىرىنى كولاپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② يارا ئېغىزىدا قان پلاستىنكىسى ۋە تالا ئاقسىلىنىڭ قېتىشىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان قېتىشما. يارا ئاغزى پۈتكەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈز-كۆزى كونا-يېڭى تىرناق ئىزى، قاقاچتىن خالىي بولالمايدۇ.

قاقاس

  • قاقاس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوت-چۆپ ئۈنمىگەن، گىياھسىز:[مىسال:] قاقاس تاغ. قاقاس چۆل.[يەشمىسى:] ② دەل-دەرەخلىرى كۆپ ئەمەس، ياپيېشىللىققا پۈركەنمىگەن، قۇرغاقراق:[مىسال:] ئۇلار بىزنىڭ بۇ قاقاس شەھەرگە قاپسىلىپ قالغىنىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ، بىزدىن مەدەت تىلەپ كەپتۇ.

قاقاسچىلىق

  • قاقاسچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاقاسلىشىپ كەتكەن مەنزىرە، قاقاس ھالەت:[مىسال:] قاياققا قارىسا قاقاسچىلىق، ئوشۇق پاتقۇدەك توپىغا چۆكۈسەن. مېنىڭ مۇندىن كېيىنكى ماكانىم مانا مۇشۇ ئىدى.

قاقاسلاشتۇرماق

  • قاقاسلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاقاسلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاقاسلاشماق

  • قاقاسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاقاسلىققا ئايلانماق، قاقاس بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] قاقاسلىشىپ كەتكەن يەر.

قاقاسلىق

  • قاقاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاقاسلىشىپ كەتكەن يەر، قاقاس جاي:[مىسال:] ئۇ ماڭا، بىر ئائىلىنىڭ قاقاسلىقتىن بوز يەر ئېچىپ مول ھوسۇل ئالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

قاقاق

  • قاقاق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① مېكىياننىڭ تۇخۇم تۇغۇپ بولغاندا ياكى بەك قورقۇپ، ئۈركۈپ كەتكەن چاغلاردىكى قاتتىق چىققان ئاۋازى.[يەشمىسى:] ② قاتتىق كۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

قاقاقلاتماق

  • قاقاقلاتماق[يەشمىسى:] «قاقاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاقاقلاشماق

  • قاقاقلاشماق[يەشمىسى:] «قاقاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سىرتتا-دېرىزە تۈۋىدە ئۇششاق بالىلار چۇرۇقلىشاتتى، توخۇلار قاقاقلىشاتتى، قويلار مەرىشەتتى.

قاقاقلىماق

  • قاقاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «قاقاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] بوۋاي بىلەن موماي تاتلىق ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە: تۇيۇقسىزدىن قاقاقلاپ كەتكەن توخۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.[يەشمىسى:] ② يۇقىرى ئاۋازدا «قاق-قاق» قىلىپ كۈلمەك، «قاق-قاق» قىلماق:[مىسال:] شۇ ۋاقتىدا ھېكىم سېلىم شېيىخنىڭ بۇ ئۈمىدۋارلىقىنى مەنسىتمىدىلا ئەمەس، بەلكى مەسخىرە قىلىپ قاقاقلاپ كۈلدى.

قاقتۇرماق

  • قاقتۇرماق[يەشمىسى:] «قاقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياشلار كەتمەنلىرىنى قاقتۇرۇپ، يېڭىدىن ساپلىتىپ تەخ بولۇشقانىدى.

قاقتۇرۇشماق

  • قاقتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قاقتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاقتۇرۇلماق

  • قاقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاقتى-سوقتى

  • قاقتى-سوقتى[يەشمىسى:] ھەر خىل يوللار بىلەن ئالداش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قىلمىشى؛ ساختىلىق:[مىسال:] قاقتى-سوقتى قىلماق.

قاقشاتقۇچ

  • قاقشاتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەيران قىلىش، يوقىتىش دەرىجىسىدىكى؛ ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان، دەھشەتلىك، ئەجەللىك، ئىنتايىن قاتتىق:[مىسال:] بىز ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئۆز زېمىنىمىزنى جان-قېنىمىز بىلەن قوغدايمىز.

قاقشاتماق

  • قاقشاتماق[يەشمىسى:] «قاقشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ (ماقال). * بار ئوخشىتىدۇ، يوق قاقشىتىدۇ (ماقال).

قاقشاشماق

  • قاقشاشماق[يەشمىسى:] «قاقشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىلەر بازار باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاقشاشماقتا.

قاقشال

  • قاقشال [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەك قۇرۇپ كەتكەن، ناھايىتى قۇرۇق:[مىسال:] قاقشال ئوتۇن. قاقشال دەرەخ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرۇپ شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى قالمىغان دەل-دەرەخ، يۇلغۇن، چاتقال ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ ھەر قېتىم قاراكۆلگە ئوتۇنغا بارسا ھارۋىغا ئاسمان-پەلەك قاقشال بېسىپ چىقاتتى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورۇقلۇقتىن بىر ئەت-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان؛ قۇرۇق ئۇستىخان، ناھايىتى ئورۇق، جۈدەڭ:[مىسال:] موماي سىلار قاقشال قولىدا، ئەلەم باسقان ئۇنىڭ بېشىنى. شىۋىرلايدۇ لەۋلىرى تىنماي، كۆزلەر تۆكەر ئۈنچە يېشىنى.

قاقشاللاشماق

  • قاقشاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاقشال ھالەتكە كەلمەك، قاقشال بولماق.

قاقشاللىق

  • قاقشاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالغان ھالەت:[مىسال:] چەيلەپ ئېسىل ھۈنەر-سەنئەتنى، قەسىرلەرنى ئۆرتىگەن ئوتتا. تەكشى ئۆسكەن ئۈجمىزارلىقلار قاقشاللىققا ئايلانغان جۇتتا.[يەشمىسى:] ② قاقشال بار، قاقشال كۆپ يەر:[مىسال:] قاقشاللىقتىن ئوتۇن ئالماق.

قاقشىماق

  • قاقشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاتتىق، چىدىغۇسىز ئاغرىماق:[مىسال:] سايراڭ بۇلبۇلۇم گۈلنىڭ بەرگىدە. جانلار قاقشىسۇن يارنىڭ دەردىدە.[يەشمىسى:] ② زارلانماق، دادلانماق:[مىسال:] پېشقەدەم ھاكىم تامىقىنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى، يېڭى گۆشنىڭ شورپىسى، پېتىرمانتا، تونۇر كاۋىپىدىن باشقىسىغا ئانچە ئىشتىھاسىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا ئۇزاق قاقشىدى.

قاق-قاق

  • قاق-قاق[يەشمىسى:] «قاقⅣ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] يېرىم سائەت دېگۈدەك جان قايغۇسىدا ئۇچۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان قاغىلار شامالنىڭ غەزىپى بېسىلغىنىنى بىر-بىرلىرىگە خەۋەر قىلغاندەك «قاق-قاق» بىلەن ئۆز ئورۇنلىرىغا قونۇشقا باشلىدى.

قاق-قۇق

  • قاق-قۇق[يەشمىسى:] «قاق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] قاغىلار تۇمشۇقلىرى بىلەن ئاپئاق، قىرو باسقان دۈمبىلىرىنى تاتىلاپ قويۇشۇپ «قاق-قۇق» قىلىشىپ ئۇچۇشتى.

قاقلاتماق

  • قاقلاتماق[يەشمىسى:] «قاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاقلاشماق

  • قاقلاشماق[يەشمىسى:] «قاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئوتقا قاقلاشتى.

قاقلانماق

  • قاقلانماق[يەشمىسى:] ① «قاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كوچىنىڭ ئۇ قانىتىدا ئوچۇق تۇرغان دەرۋازا ئالدىدىكى ئىككى ئاق ساقال بوۋاي ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئولتۇرۇپ پاراڭ قىلىشىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② «قاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئوتقا قاقلانغان پايپاق. ئوتقا قاقلانغان ئاياغ.

قاقلىما

  • قاقلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاقلىنىدىغان، قاقلاشقا ئېھتىياجلىق:[مىسال:] قاقلىما باسما نۇسخىسى.

قاقلىماق

  • قاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى ئوت ياكى ئاپتاپقا تۇتماق ياكى شۇنداق قىلىپ، قۇرۇتماق:[مىسال:] شۇ كۈنى كېچىسى توختىئاخۇن بىلەن سارىخان ئالماسنىڭ كىيىملىرىنى ئوتقا قاقلاپ كۆزىنى يۇممىدى.

قاقما

  • قاقما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاش چوقۇيدىغان ئەسۋاب؛مېتىن.

قاقماق

  • قاقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزمەك:[مىسال:] مىخ قاقماق. قوزۇق قاقماق.[يەشمىسى:] ② قولى بىلەن ئۇرۇپ ياكى چېكىپ شەپە بەر[يەشمىسى:] مەك؛ چەكمەك (ئىشىك، دەرۋازىلار ھەققىدە):[مىسال:] ئىشىك قاقماق.[يەشمىسى:] ③ ئۇرۇپ ياكى سىلكىپ، پۇلاڭلىتىپ ئۈستىدىكى نەرسىنى چۈشۈرمەك، تازىلىماق:[مىسال:] گىلەم قاقماق. پالاس قاقماق. ئۆرۈك قاقماق.[يەشمىسى:] ④ سوقۇپ ئۆتمەك، سوقماق، ئۇرماق:[مىسال:] يان يەرنى شامال قاقىدۇ، چىرايلىققا ھەركىم باقىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ قولى بىلەن دولا ياكى مۈرىگە ئاستا شاپىلاقلاپ ئۇرماق:[مىسال:] مۈرىسىگە قاقماق.[يەشمىسى:] ⑥ قاتتىق تەپمەك، قاتتىق سىلكىمەك:[مىسال:] پالتىنىڭ سېپى تۆمۈر ياكى باشقا مېتالدىن بولسا، قولنى قېقىپ ئاغرىتىدۇ.⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىتتىرمەك، يەكلىمەك:[مىسال:] ئۇلار ئىشلەپچقىرىش ئارقىلىق سىياسىنى باسىدىغان، سىياسىنى چەتكە قاقىدىغان قارارلارنى چىقاردى.[يەشمىسى:] ⑧ دىماغ، گال، تاماق، بۇرۇن قاتارلىق ئورگانىزملاردىن ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] گېلىنى قاقماق. تامىقىنى قاقماق.[يەشمىسى:] ⑨ ھەرىكەتلەندۈرمەك، پۇلاڭلاتماق:[مىسال:] قانات قاقماق. *مۈشۈك ئارقىغا قارىماي قاچتى، توخۇ قاقاقلاپ قانىتىنى قاقتى.01 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچمەك، كۆتۈرمەك (ھاراق ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ ئۆزىگە تەڭلىگەن رومكىنى پەم بىلەن ئېلىپ بىراقلا قېقىۋەتتى.

قاقۋاش

  • قاقۋاش[قۇرۇلمىسى:]]قاق+ۋاش[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇرمۇشتا جىق ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تەجرىبىلىك بولۇپ كەتكەن؛ زىيان تارتىدىغان، ئۆزىگە بەختسىزلىك كېلىدىغان يولغا ماڭمايدىغان؛ بەك قۇۋ، پىشقان:[مىسال:] قاقۋاش ئادەم. قاقۋاش خوتۇن. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتكەن، كۆپنى كۆرگەن تۈپەيلى قۇۋلىشىپ كەتكەن ئادەم؛ قۇۋ كىشى:[مىسال:] ئالدىماققا كىچىك بالا ياخشى، خۇدا ئۇرسۇن قاقۋاشنى (ماقال).

قاقۋاشلىق

  • قاقۋاشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇۋلۇق، ھىيلىگەرلىك:[مىسال:] قاقۋاشلىق قىلماق.

قاقىر

  • قاقىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوينى ئۇزۇن، تۇمشۇقى ئۇچلۇق بىرخىل پەسىللىك قۇشلار ئائىلىسى.

قاقىرام

  • قاقىرام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوت-چۆپ ئۆسمەيدىغان، سۇسىز، قاتتىق، تېتىر (يەر ھەققىدە):[مىسال:] تەجرىبىلىك كارۋانلار ئۇزۇن ۋە قاقىرام چۆللەرنى بېسىپ مېڭىشقا توغرا كەلدى.[يەشمىسى:] ② تازا، قاتتىق، چاڭقىغان، پىژ-پىژ:[مىسال:] كۆرمىگەن كۈن قالمىدى. قاقىرام ئىسىقتا، ئېتىزدا لەقۋا كالىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ يەر ھەيدىدىم.

قاقىرتۇمشۇق

  • قاقىرتۇمشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قاقىر+تۇمشۇق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قاقىرتۇمشۇق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى قاقىرنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشايدۇ. پىشقاندىن كېيىن يېرىلىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. قاننى جانلاندۇرۇش، ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

قاقىلە

  • قاقىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى دورا بولىدۇ. ئاشقازان، تالنى ياخشىلاش رولى بار.

قاقىلداتماق

  • قاقىلداتماق[يەشمىسى:] «قاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاقىلداشماق

  • قاقىلداشماق[يەشمىسى:] «قاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] توپ-توپ قاغىلار قاقىلدىشىپ ئۇچماقتا.

قاقىلدىماق

  • قاقىلدىماق[يەشمىسى:] «قاق-قاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «قاق-قاق» قىلماق:[مىسال:] قاغا قاقىلدىمىسا، قۇشلارنىڭ كۆزىنى چوقۇپ بولاتتى (ماقال).

قاڭالتىر

  • قاڭالتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەلەي، تۈنىكە:[مىسال:] قاڭالتىردىن مەش ياسىماق.

قاڭالتىرچى

  • قاڭالتىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاڭالتىردىن داس، چېلەك، مەش ۋە شۇ قاتارلىق ھەر خىل سايمانلارنى ياسىغۇچى كىشى.

قاڭالتىرچىلىق

  • قاڭالتىرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاڭالتىردىن داس، مەش، چېلەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ياساش كەسپى:[مىسال:] قاڭالتىرچىلىق قىلماق.

قاڭالتىرلاتماق

  • قاڭالتىرلاتماق[يەشمىسى:] «قاڭالتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاڭالتىرلاشماق

  • قاڭالتىرلاشماق[يەشمىسى:] «قاڭالتىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاڭالتىرلانماق

  • قاڭالتىرلانماق[يەشمىسى:] «قاڭالتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاڭالتىرلىق

  • قاڭالتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاڭالتىر بىلەن قاپلانغان، قاڭالتىر بىلەن ياسالغان:[مىسال:] قاڭالتىرلىق ئىشىك. قاڭالتىرلىق ئۆگزە.

قاڭالتىرلىماق

  • قاڭالتىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاڭالتىر بىلەن قاپلىماق، قاڭالتىر بىلەن ياسىماق، قاڭالتىر ئورناتماق:[مىسال:] ئىشىكنى قاڭالتىرلىماق.

قاڭتايتماق

  • قاڭتايتماق[يەشمىسى:] «قاڭتايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاڭتايماق

  • قاڭتايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەينىگە يۆلىنىپ ياتماق:[مىسال:] مۇھەممەت گېپىنى تۈگىتىپ، دىۋانغا قاڭتايدى.

قاڭتۇرغۇزماق

  • قاڭتۇرغۇزماق[يەشمىسى:] «قاڭتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاڭتۇرماق

  • قاڭتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئات-ئېشەكلەرنىڭ بېشىنى ئېگىز قىلىپ ئېسىپ باغلاپ قويماق:[مىسال:] يولۇچىلار ئاتتىن چۈشۈپ، ئاتلىرىنى قاڭتۇرۇپ باغلاۋاتقاندا، ئىسرائىل تۈگمەنچى يېقىنلاپ كەلدى.

قاڭتۇرۇشماق

  • قاڭتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قاڭتۇرماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاڭتۇرۇق

  • قاڭتۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئېشەكلەرنى بىر يەردىن ھېرىپ كەلگەندە قاڭتۇرۇپ باغلايدىغان تۈۋرۈك ياكى شۇنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا نەرسە:[مىسال:] ئاتنى قاڭتۇرۇققا قاڭتۇرۇپ قويماق.

قاڭتۇرۇقلۇق

  • قاڭتۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاڭتۇرۇپ قويۇلغان، قاڭتۇرۇلغان:[مىسال:] قاڭتۇرۇقلۇق ئات.

قاڭتۇرۇلماق

  • قاڭتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاڭتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] توققۇز يىگىت شەھەرگە كىرىپلا خۇددى قاڭتۇرۇلغان ئاتتەك بولۇپ قالدى.

قاڭرۇق

  • قاڭرۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەتتە دىمىغىدا گەپ قىلىدىغان، دىمىغى ئېغىر:[مىسال:] خوتۇن سەت ھەم قاڭرۇق بىر ئوغلىنى باشلاپ، بۇ ئۆيگە كېلىپتۇ.

قاڭرۇقلۇق

  • قاڭرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاڭرۇق ھالەت.

قاڭسىتماق

  • قاڭسىتماق[يەشمىسى:] «قاڭسىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قاڭسىق

  • قاڭسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىمسىز، سەسكىنىشلىك (تەم، پۇراق ھەققىدە):[مىسال:] ئىشىكتىن كىرىشىمگە بۇرنۇمغا قاڭسىق بىر ھىد كېلىپ ئۇرۇلدى.

قاڭسىماق

  • قاڭسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاڭسىق بىر خىل پۇراق دىماغقا ئۇرۇلماق ياكى قاڭسىق بىر خىل پۇراق دىماغنى ئېچىشتۇرماق.

قاڭشار

  • قاڭشار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] بۇرۇن سۆڭىكىنىڭ ئېگىز قىرى:[مىسال:] ئوتتۇرىدا قاڭشار بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەيدۇ (ماقال).

قاڭشارلىق

  • قاڭشارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاڭشىرى ئېگىز:[مىسال:] ئايال 25 ياشلار چامىسىدا بولۇپ، غۇنچە بوي، قوشۇما قارا قاش، بۇرنى چىمدىپ قويغاندەك قاڭشارلىق ئىدى.

قاڭغۇر

  • قاڭغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوڭغۇراقلىق.

قاڭغىر

  • قاڭغىر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] زار، قاتتىق:[مىسال:] قاڭغىر قاقشىماق.

قاڭقىتماق

  • قاڭقىتماق[يەشمىسى:] «قاڭقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۇرمۇش يولى تۈز بولمايدىكەن، ئۇنى نە-نەلەرگە قاڭقىتتى، نە-نەلەرگە.

قاڭقىرا

  • قاڭقىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇلۇق، سازلىق جايلاردا ياشايدىغان، ئۇزۇن تۇمشۇق، ئۇزۇن پاچاق قۇش.

قاڭقىرىماق

  • قاڭقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېنىمەك، سەرسان بولماق.

قاڭقىغاق

  • قاڭقىغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۇرژىنا.

قاڭقىل

  • قاڭقىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] قەدىمدە تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ياشىغان چارۋىچى خەلقلەرنىڭ بىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىنىڭ بىرى.

قاڭقىماق

  • قاڭقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە تېگىپ، كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ باشقا يەرگە چۈشمەك:[مىسال:] بالا ئېگىزلىكتىن سېپىل تۈۋىگە، ئۇيەردىن يەنە قاڭقىپ، خەندەك ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توغرا يۆنىلىشتىن چەتلىمەك، نۇقتىدىن يىراقلاشماق؛ ئازماق:[مىسال:] مەن يازدا شىمالدا، قىشتا جەنۇبتا قاڭقىپ يۈرىدىغان غاز-ئۆردەك ئەمەس. [يەشمىسى:] ③ بىردىنلا سەكرىمەك، ناھايىتى تېز سەكرىمەك:[مىسال:] ئۇ ئىشىكنىڭ بىردىن گۈلدۈرلەپ ئېچىلىشىدىن چۆچۈپ كارىۋاتتىن قاڭقىپ تۇرۇپ كەتتى.

قالاتماق

  • قالاتماق[يەشمىسى:] «قالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قالاشماق

  • قالاشماق[يەشمىسى:] «قالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قالاقⅠ

  • قالاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۆۋەن تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغان، تەرەققىيات جەھەتتە ئارقىدا قالغان، ھازىرقى زامان تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالمىغان، تەرەققىي قىلمىغان؛ كونا:[مىسال:] قالاق دۆلەت. قالاق مەملىكەت. [يەشمىسى:] ② دۇنيا قارشى، ئاڭ چۈشەنچىسى تۆۋەن بولغان؛ ئىلغار ئەمەس:[مىسال:] قالاق ئادەم. قالاق ئۇنسۇر. قالاق پېرسوناژ. [يەشمىسى:] ③ ئىشتا، ئىشلەپچىقىرىش پىلانلىرىنى بېجىرىشتە، ماددىي، تېخنىكا بازىلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە شۇ قاتارلىقلاردا باشقىلاردىن ئارقىدا قالغان:[مىسال:] قالاق ئىگىلىك. قالاق خوجىلىق. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] دەرسكە يېتىشەلمەيدىغان، ناچار ئوقۇيدىغان، ئەخلاق، ئىنتىزام جەھەتلەردە تەلەپكە لايىق ئەمەس:[مىسال:] قالاق ئوقۇغۇچى.

قالاقⅡ

  • قالاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تامچىلار لاي ئېلىشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئەسۋاب. ياغاچتىن ياسىلىدۇ، بىر تەرىپىدە سېپى بولىدۇ.

قالاقⅢ

  • قالاقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ياغاچ قوشۇق. [يەشمىسى:] ② ھور چىقىپ كەتمىسۇن ئۈچۈن قازاننىڭ چۆرىسىگە قويۇلىدىغان چەمبەر؛ قالقان.

قالاقلاشتۇرماق

  • قالاقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قالاقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قالاقلاشماق

  • قالاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالماق، ئارقىدا قالماق، ئۆز پائالىيىتىدە چېكىنمەك.

قالاقلىق

  • قالاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قالاق ھالەت:[مىسال:] قالاقلىقتىن قۇتۇلماق. قالاقلىققا خاتىمە بەرمەك.

قالام

  • قالام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئوچاق ياكى مەشلەرگە قالانغان ئوتۇن-كۆمۈرلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قالام كۆمۈر. بىر قالام ئوتۇن.

قالانماق

  • قالانماق[يەشمىسى:] «قالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەشكە ئوت قالاندى ۋە ئۆي ئىچى ئاستا-ئاستا ئىللىشقا باشلىدى.

قالايمىقان

  • قالايمىقان [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] رېتى، رېتىمى، تەرتىپى يوق؛ رېتىمسىز، تەرتىپسىز؛ رەتلىك، تەرتىپلىك ئەمەس:[مىسال:] باتۇرنىڭ چىرايى تاتىرىپ، يۈرىكى قالايمىقان سېلىپ كەتتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلگىنىچە؛ كەلسە-كەلمەس، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن، خىيالغا كەلگىنىچىلا؛ ھېچبىر پرىنسىپقا، قائىدىگە ئەمەل قىلمىغان ھالدا:[مىسال:] مۇكاپات پۇلىنى قالايمىقان تارقاتماق. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەلسە-كەلمەس، مەنتىقىسىز، يېقىمسىز:[مىسال:] قالايمىقان گەپ قىلماق. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان، يامان، ناچار، ئەسكى:[مىسال:] ئۇ ئۆز ئوغلىنىڭ «ئولتۇرۇش»تىن باشقىنى بىلمەي، قالايمىقان كىشىلەرگە ئارىلىشىپ يۈرۈشىدىن تولىمۇ نارازى ئىدى.

قالايمىقانچىلىق

  • قالايمىقانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قالايمىقان ئەھۋال، ھالەت:[مىسال:] قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماق. قالايمىقانچىلىق چىقارماق.

قالايمىقانلاشتۇرغۇچى

  • قالايمىقانلاشتۇرغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قالايمىقان قىلىدىغان، قالايمىقانلاشتۇرىدىغان كىشى ياكى ئامىل.

قالايمىقانلاشتۇرۇشماق

  • قالايمىقانلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قالايمىقانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قالايمىقانلاشتۇرماق

  • قالايمىقانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قالايمىقانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىدىيىنى قالايمىقانلاشتۇرماق.

قالايمىقانلاشتۇرۇلماق

  • قالايمىقانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قالايمىقانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قالايمىقانلاشماق

  • قالايمىقانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قالايمىقان ھالەتكە كەلمەك، قالايمىقان بولماق:[مىسال:] بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ پىكرى بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

قالايمىقانلىق

  • قالايمىقانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قالايمىقان ھالەت.

قالپاق

  • قالپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۇڭ، چىغ، سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن، چۆرىسى قاسقانلىق بىر خىل باش كىيىمى:[مىسال:] كىگىز قالپاق. چىغ قالپاق. * قالپاققا تۇشلۇق قىرغىز يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىدىكى قالپاققا ئوخشايدىغان قىسمى:[مىسال:] مىخنىڭ قالپىقى. موگۇنىڭ قالپىقى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن سىياسىي نام:[مىسال:] قالپاق كىيدۈرمەك. قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىماق.

قالپاقچى

  • قالپاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قالپاق تىكىدىغان ۋە ساتىدىغان ئادەم. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىركىمگە جىنايەت ئارتىپ قالپاق كىيدۈرۈشكە ئامراق كىشى.

قالپاقسىمان

  • قالپاقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى، كۆرۈنۈشى قالپاققا ئوخشايدىغان؛ قالپاق شەكىللىك:[مىسال:] شۇ سائەتتە ئۇپۇق سىزىقىدا بىر پارچە قالپاقسىمان قىزىل بۇلۇت ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلدى.

قالپاقلاشماق

  • قالپاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قالپاق ھالىتىگە كەلمەك، قالپاقتەك بولۇپ قالماق:[مىسال:] توختى قالپاقلىشىپ كەتكەن بىر دۆۋە پولات ئۈشكىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئېيتتى: ئاجايىپ ئىش، بىز بولساق بۇ نەرسە بىلەن چوڭ تاشنى پارچىلىماقچىدۇق.

قالپاقلىق

  • قالپاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قالپىقى بار، قالپاققا ئىگە:[مىسال:] قالپاقلىق مىخ. قالپاقلىق زەمبۇرۇغ. قالپاقلىق مېدۇزا.[يەشمىسى:] ② بېشىغا قالپاق كىيگەن ياكى قالپاق كىيدۈرۈلگەن:[مىسال:] كۈل رەڭ قالپاقلىق كىشى. قالپاقلىق ئۇنسۇر.

قالتار

  • قالتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇمشۇقى ئاق بولىدىغان چىلان تورۇق.

قالتىس

  • قالتىس [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىنتايىن، ناھايىتى، بەك، تولىمۇ:[مىسال:] قالتىس بېخىل ئادەم. قالتىس بەلەن گەپ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە، كۆزگە كۆرۈنەرلىك، ئالاھىدە، قاتتىق:[مىسال:] ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە قالتىس ئىشلىدىم، دەپ ماختاندى ئۇ. * بۇ كۈنلەردە ناسىرنىڭ كىيىنىشلىرىمۇ قالتىس بولۇپ كەتتى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جاھاندا بىر، كارامەت؛ بەك ياخشى، ئاجايىپ:[مىسال:] قالتىس مۆجىزە. * سەن ئۆزۈڭنى مەن قالتىس زىيالىي دەپ چاغلايدىغان ئوخشىمامسەن

قالتىسلىق

  • قالتىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-پائالىيەت ياكى ھۈنەر-ماھارەت جەھەتتىكى باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆسۈن گالستۇك ۋە پېشانىسىدىن بوينىغىچە چۈشۈپ تۇرغان چاچلىرىدىن باشقا، ھېچقانداق قالتىسلىقى يوق ئىدى.

قالجاق

  • قالجاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] چىشى كېيىك.

قالدۇرماق

  • قالدۇرماق[يەشمىسى:] «قالماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىمكانىيەت قالدۇرماق. خاتىرە قالدۇرماق.

قالدۇرۇشماق

  • قالدۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قالدۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ، باھاسى ئەرزانراق پارچە-پۇراتلىرىنى ماڭا قالدۇرۇشاتتى.

قالدۇرۇق

  • قالدۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالدۇرۇلغان، قالدۇق:[مىسال:] قالدۇرۇق يەر. قالدۇرۇق چارۋا.

قالدۇرۇلماق

  • قالدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قالدۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەھسۇلاتنىڭ ئاشقان قىسمىنىڭ 60 پىرسەنتى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا پونكىتىغا قالدۇرۇلدى.

قالدۇق

  • قالدۇق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېلىپ قالغان، ئېشىپ قالغان:[مىسال:] قالدۇق بۇلۇڭ. قالدۇق دۈشمەن. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئېشىپ ياكى ساقلىنىپ قالغان قىسمى:[مىسال:] تاماكا قالدۇقى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوقىلىپ كەتكەن ياكى يوقىلىپ بېرىۋاتقان نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن قېلىپ قالغان نىشانە، ئاسارەت:[مىسال:] بەزى جايلاردا تېخىچە شامانىزم ئۇسۇلى بىلەن كېسەل داۋالاشنىڭ بەزى قالدۇقلىرى ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بۆلۈش ئەمىلىدە ئېشىپ قالغان سان، مىقدار:[مىسال:] قالدۇق قالماي بۆلۈنىدىغان سان.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مولېكۇلىدا، بىر خىمىيىلىك بىرىكمىدىن ئىككىنچى بىر خىمىيىلىك بىرىكمىگە ئۆزگەرمەي تۇرۇپ ئۆتىدىغان تۇرغۇن ئاتوملار گۇرۇپپىسى؛ رادىكال.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېشىپ قالغان پۇل، مەبلەغ.

قالدۇقسىز

  • قالدۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالدۇقى يۇق، قالدۇق قالمايدىغان:[مىسال:] قالدۇقسىز بۆلۈش.

قالدۇقلۇق

  • قالدۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالدۇقى بار، قالدۇق قالغان.

قالدى

  • قالدى[يەشمىسى:] ① «قالماقⅠ» پېئىلىنىڭ ۋاسىتىسىز بايان مەيلىدىكى ئاددىي ئۆتكەن زامان خەۋەر شەكلىⅢشەخس تۈرىنىڭ بىرلىكى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېلىپ قالغان، قالغان:[مىسال:] قالدى گەپ. قالدى گەپ-سۆز. * شۇنداق قىلىپ، ئارزۇخانمۇ ھايات خۇشاللىقىدىن چەتنەپ، قالدى ئۆمرىنى «تىنچ» قىنا ئۆتكۈزۈش كويىدا بولدى.

قالدىراق

  • قالدىراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «غالدىر-غۇلدۇر» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان؛ ئاسان پارتلايدىغان:[مىسال:] قالدىراق گاز. قالدىراق سىماب.

قالدى-قاتتى

  • قالدى-قاتتى[يەشمىسى:] قېلىپ قالغان، ئېشىپ قالغان، قالدۇق:[مىسال:] قالدى-قاتتى نەرسىلەر.

قالغان-قاتقان

  • قالغان-قاتقان[يەشمىسى:] «قالدى-قاتتى»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قالغان-قاتقان ئەسكەرلىرى جېنىنى ئېلىپ قېچىپ، مىڭ تەسلىكتە قۇمۇلغا كېلىۋاپتۇ.

قالغايتا

  • قالغايتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چاققاق ئوت.

قالقا

  • قالقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سايە، كۆلەڭگە.

قالقانⅠ

  • قالقانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قەدىمكى زامان ئۇرۇشلىرىدا بەدەننى قىلىچ، نەيزە قاتارلىقلار زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چەمبەر ياكى تۆت بۇرجەك شەكىلدىكى بىر خىل قورال:[مىسال:] قالقان بەز. قالقان قانات.

قالقانⅡ

  • قالقانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مۇداپىئە ئۈچۈن قورغان تامنىڭ ئۈستىگە ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە تىزىلغان كېسەك قۇرۇلما.

قالقانسىز

  • قالقانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالقىنى يوق، قالقان ئورنىتىلمىغان:[مىسال:] قالقانسىز تاياقچە.

قالقانسىمان

  • قالقانسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالقانغا ئوخشايدىغان، قالقان شەكلىدىكى:[مىسال:] قالقانسىمان بەز. قالقانسىمان كۆمۈرچەك.

قالقانگۈل

  • قالقانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قالقان+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. ھۆل ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ئۆپكىدىكى ئوت ئىسسىقنى ھەيدەش، يۆتەل توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار.

قالقانلىق

  • قالقانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالقىنى بار، قالقانغا ئىگە:[مىسال:] قالقانلىق ئەسكەر.

قالماقⅠ

  • قالماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللارنى بىر خىل ئاتىشى:[مىسال:] قالماق پىچىقى.[يەشمىسى:] ② رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان بىر مىللەتنىڭ نامى. قالماق مىللىتى. ئۇلار مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئويراد دىئالېكتىدا سۆزلىشىدۇ:[مىسال:] قالماق خەلقى. قالماق تىلى. ∥ قالماق قىز. قالماق ئايال.

قالماقⅡ

  • قالماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بارماي، كەتمەي شۇ جايىدا تۇرماق:[مىسال:] ئۆيدە قالماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر ھالەتنى ساقلاپ، ئۆزگەرمەستىن تۇرماق:[مىسال:] قوغۇن-تاۋۇزلار تالادا قالدى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم ئىش، ھەرىكەت، پائالىيەت ۋە ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ سىرتىدا تۇرماق:[مىسال:] سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى باھالاشتا يازغانلىرىنى ئوقۇدى، پەقەت ئەنۋەر بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆلمەي ئامان تۇرماق، ياشىماق:[مىسال:] دادام ئۆلۈپ كېتىپ، ئاپام، مەن ۋە سىڭلىم ئۈچىمىزلا قالدۇق.[يەشمىسى:] ⑤ ھەرىكەت تۈگىمەستىن، ئاخىرىغا يەتمەستىن توختىماق:[مىسال:] ئاپتوموبىل يېرىم يولدا قالدى.  ئىش چالا قالدى.[يەشمىسى:] ⑥ پايدا تەرىقىسىدە ياكى ئىشلىتىلمەي، سەرپ قىلىنماي كىرىم ۋە شۇ قارارلىقلار سۈپىتىدە ئاشماق:[مىسال:] مەن بەش-ئون سوم قالارمىكىن دەپ بۇ ئىشنى قىلدىم. *بۇ يول خىراجىتىدىن قالغان پۇل.[يەشمىسى:] ⑦ مەلۇم چەككە يېتىشتە، بەلگىلىك مۇساپە، ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ بارلىقى، تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شەھەرگە يەنە 20 كېلومېتىر يول قالدى.[يەشمىسى:] ⑧ (بولۇشسىز شەكىلدە كېلىپ) يوق بولماق، تۈگىمەك، تامام بولماق:[مىسال:] ئىشەنچى قالمىدى.[يەشمىسى:] ⑨ مىراس، يادىكارلىق تەرىقىسىدە بىرەرسىنىڭ قولىغا، ئىختىيارىغا ئۆتمەك:[مىسال:] ئاتامدىن قالغان مۈلۈك، ئانامدىن قالغان ئادەت (ماقال).[يەشمىسى:] 01 ھاسىل بولماق، تۇغۇلماق:[مىسال:] كىنودىن ياخشى تەسىرات قالدى.[يەشمىسى:] 11 دۇچار بولماق، گىرىپتار بولماق، يولۇقماق، ئۇچرىماق:[مىسال:] بالاغا قالماق. تۆھمەتكە قالماق. قارغىشقا قالماق. نومۇسقا قالماق. ئەندىشىگە قالماق. غەمگە قالماق. پۇشايمانغا قالماق.[يەشمىسى:] 21 مەھرۇم بولماق، ئايرىلماق، يوقاتماق:[مىسال:] كۆزدىن قالماق. كۈچىدىن قالماق. ئىشتىن قالماق. ئوقۇشتىن قالماق. سىنىپتىن قالماق. * ئۇ نازىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدى.[يەشمىسى:] 31 بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى توختاتماق، بولدى قىلماق:[مىسال:] بىر ئېغىز گەپتىن قالسىڭىز بولمامدۇ، دېدى ئۇ مېنى بېسىپ.[يەشمىسى:] 41 (بولۇشسىز شەكلىدە كېلىپ) ئىشتىراك قىلماق، بارماق:[مىسال:] ئېيتمىغان يەرگە بارما، ئېيتقان يەردىن قالما (ماقال). * ئۇ ھېچ يەردىن قالمايدۇ.[يەشمىسى:] 51 ئايرىلماق:[مىسال:] رەيھان دادىسىدىن كىچىك قالغان.[يەشمىسى:] 61 تۆرەلمەك:[مىسال:] بويىدا قالماق. قورسىقىدا قالماق.[يەشمىسى:] 71 ساقلانماق:[مىسال:] يادىدا قالماق. ئەستە قالماق. * بۇ ئېغىر دەرد-ئەلەملەر كىشىلەرنىڭ دىلىدا قالدى.[يەشمىسى:] 81 يۈكلەنمەك:[مىسال:] ئېتىز ئىشلىرى يالغۇز شەرۋانەمگىلا قالدى.[يەشمىسى:] 91 كېچىكىپ، ئۈلگۈرەلمەي، يېتەلمەي ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئايرىلماق:[مىسال:] پويىزدىن قالماق. ئايروپىلاندىن قالماق. يىغىندىن قالماق.[يەشمىسى:] 02 يوقالماق، توختىماق، بېسىلماق، تۈگىمەك:[مىسال:] ئاغرىق قالسىمۇ ئادەت قالماس (ماقال).[يەشمىسى:] 12 بىرگە تەڭ يۈرەلمەي ئارقىدا سۆرەلمەك، كېيىن تۇرماق:[مىسال:] ئېشەك-ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس (ماقال). *ئۇ ئارقاندىن قالماي مەن بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] 22 بەلگىلەن ۋاقىتتىن كېيىنگە سۈرۈلمەك، كېچىكتۈرۈلمەك، باشقا مۆھلەتكە كۆچۈرۈلمەك:[مىسال:] توي كېلەركى ئايغا قالدى. * قالغان ئىشقا قار ياغار (ماقال).[يەشمىسى:] 32 باغلىق بولماق، قاراشلىق بولماق (بىرە ئىش، مەسىلە ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ھەممە ئىش سەندە قالدى. * بۇ ئىش پۇلدا قالدى.[يەشمىسى:] 42 تۇرماق، ئەمەل قىلماق (ۋەدە، قەسەم، لەۋز ھەققىدە):[مىسال:] قاسىم دېگەن داخەنزە، سېپىل تۈۋىدە قالدى. مېنىڭ يارىم خوخەنزە، ئۆز ۋەدىسىدە قالدى. * مەن ئۆز پىكىرىمدە قالىمەن.[يەشمىسى:] 52 ئىش-ھەرىكەت نامى بىلەن كېلىپ، شۇ ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىش لازىملىقىنى، شۇنداق ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] چۆپ پېشتى، پەقەت ئۇنى سۈزۈشلا قالدى.[يەشمىسى:] 62 ئورۇن كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ بىرەر ھادىسىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە بولماق ياكى ئۇنىڭغا ئۇچرىماق:[مىسال:] ئاپتاپتا قالماق. سوغۇقتا قالماق.[يەشمىسى:] 72 پېئىلىنىڭ بولۇشسىز شەكلىدە كېلىپ، «تۆۋەن تۇرماسلىق، تەڭ تۇرۇش» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] گەپكە گەپ كەلگەندە ئاتاڭدىن قالما (ماقال). * كېۋىر بۇ گەپنى مەنسۇرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا باشقىلاردىن قالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتقانىدى.[يەشمىسى:] 82 پېئىلىنىڭ بولۇشسىز رەۋىشدىشى «-ماي» شەكلىدە كېلىپ: 1) «... گە يەتمەي، ئۇلاشماي» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] چاۋار مەتقۇل ئېتىغا مىندى-دە، يېرىم سائەتكە قالماي قىزىلتاغ باغرىغا يېتىپ باردى.[يەشمىسى:] 2) «تولۇق، پۈتۈنلەي» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پەمىمچە، بۇ گەپ-سۆزلەر كونىشەھەر، يېڭىشەھەرنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قالماي تارقىلىپ بولدى.Ⅲ[يەشمىسى:] 92 شەخس بىرلىك تۈرىدىكى پېئىل شەرت مەيلىنىڭ قوشۇمچىسى «-سا» بىلەن كېلىپ «كېيىن تۇرىدىغىنى، ئىككىنچىسى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دېھقانلاردىن قالسا، جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئىشچىلاردۇر.[يەشمىسى:] 03 بەزى سۈپەت ۋە سۈپەت خاراكتېرىدىكى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئانالىتىك ئۇسۇلدا پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] ساق قالماق. ئاچ قالماق. يالىڭاچ قالماق. ئامالسىز قالماق. چارىسىز قالماق. ئىگىسىز قالماق. قۇرۇق قالماق. تاماقسىز قالماق. پۇلسىز قالماق. ئاز قالماق. ماكانسىز قالماق. ئىلاجىسىز قالماق.[يەشمىسى:] 13 بەزى پېئىللارنىڭ چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن كېلىپ: 1) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تۇراقلىشىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئاستا گەپ قىلىڭلار، بالا ئۇخلاپ قالدى. * تامىقىڭنى چاپسان يە، سوۋۇپ قالىدۇ.[يەشمىسى:] 2) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ دائىملىق ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مېنىڭ ئىككى تال چىشىم مىدىرلاپ قالدى.[يەشمىسى:] 3) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تۇغۇلۇشىغا تاسادىپىيلىق تۈسىنى كىرگۈزىدۇ:[مىسال:] ئۇلار چاقچاق قىلىشىپ ئولتۇرۇپلا قىزىرىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] 4) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزمۇ تۈگىمەي قالدى.[يەشمىسى:] 5) سۆزلىگۈچىنىڭ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتكە مۇشۇ بىر قېتىم بىلەن چەكلىنىشى مۇمكىن دېگەن ئويىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىنتايىن ياخشى كىتاب ئىكەن، ئەپسۇسكى بىرلا قېتىم ئوقۇپ قالدىم.[يەشمىسى:] 6) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ بىنامۇ پۈتۈپ قالدى.[يەشمىسى:] 7) بولۇشسىز شەكلىدىكى رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن كالا تېزەكلىمەي قالماس (ماقال). * ئۇ ھەر قېتىملىق يىغىنغا قاتناشماي قالمايدۇ.[يەشمىسى:] 8) ئىمكان تۈسلۈك بولۇشسىز شەكلىدىكى رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتكە تاسادىپىيلىق تۈسىنى كىرگۈزىدۇ:[مىسال:] ئۇ ھاياجانلىنىپ گەپ قىلالماي قالدى.

قالۇن

  • قالۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن بىرى. شەكلى چاڭغا ئوخشايدۇ. بارماق بىلەن ئېلىپ چېلىنىدۇ.

قالۇنچى

  • قالۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قالۇن ياساش، چېلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.

قالىق

  • قالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چەللە، لاپاس.

قالىماق

  • قالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆيدۈرمەك، ياندۇرماق، تۇتاشتۇرماق:[مىسال:] ئوچاققا ئوتۇن قالىماق. * قارىغاي كېسىپ قويدۇق، قۇرۇسا قالامىز دەپ. ياخشى قىز كۆرۈپ قويدۇق، چوڭ بولسا ئالارمىز دەپ.

قاما

  • قاما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بېشى كەڭ ھەم ياپىلاق، قۇيرۇقى ئۇزۇن، تۆت پۇتى قىسقا كېلىدۇ. بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ. تۈكلىرىنىڭ رەڭگى قوڭۇر بولۇپ، زىچ، يۇمشاق ۋە پارقىراق كېلىدۇ. تېرىسى ئەتىۋارلىق. ئۇنىڭدىن كىيىم ياقىسى ۋە باش كىيىملىرىنى تىكىشكە بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ھايۋاننىڭ تېرىسى.

قاماتماقⅠ

  • قاماتماقⅠ[يەشمىسى:] «قامىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ مېنىمۇ ئىككى قېتىم «يانچۇقچى» دەپ قامىتىپ قويدى.

قاماتماقⅡ

  • قاماتماقⅡ[يەشمىسى:] «قامىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ نەرسە چىشىمنى قامىتىپ قويدى.

قاماشتۇرماق

  • قاماشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاماشماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چىراغ كۆزنى قاماشتۇردى.

قاماشماقⅠ

  • قاماشماقⅠ[يەشمىسى:] «قامىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياق، شۇنىڭدىن بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن، دېدى ئاسىم ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئابلىكىم ئەپەندىنى تۇتۇپ كەتتى، ئۇنى تۇيۇقسىزلا تۇتۇۋېلىپ قاماشتى.

قاماشماقⅡ

  • قاماشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاتتىق نۇر تەسىرىدىن كۆز خىرەلەشمەك:[مىسال:] ئاپتوموبىل چىرىغىنىڭ ئۆتكۈر، كۈچلۈك نۇرى ئۇدۇلدىن كەلگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قامىشىپ چاقناپ كەتتى.

قاماق

  • قاماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] گۇناھكارلارنى قامايدىغان جاي؛ سولاقخانا، تۈرمە:[مىسال:] قاماققا ئالماق. قاماقتا ياتماق. قاماققا تاشلىماق. قاماقتىن چىقماق.

قاماقخانا

  • قاماقخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇناھكارلارنى قاماپ قويىدىغان ئۆي، جاي؛ قاماق، تۈرمە:[مىسال:] بۇ ئايال گۇناھكارلارغا سوڭدىشىپ مېڭىپ قاماقخانا دەرۋازىسىغىچە كەلدى.

قاماقلىق

  • قاماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاماپ قويۇلغان، قامالغان:[مىسال:] قاماقلىق ئادەم.

قامال

  • قامال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چاڭگال:[مىسال:] بولسىمۇ تۈن قانچە زۇلمەت-قاراڭغۇ، سۈبھىنى توسماققا يوقكەن ئامالى. تارىخنىڭ ئالدىغا ماڭمىقى تەھقىق، كۈل بولۇپ كېتەركەن ئىبلىس قامالى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قورشاۋ، مۇھاسىرە:[مىسال:] ئۇ بىر كۈنى ھۈسەينەمگە قېچىپ كېتىشىنى دېدى، ھۈسەينەم ھە دېگەندە قورقتى. چۈنكى، قامال قاتمۇقات قاتتىق ئىدى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ مەجبۇرلاش ئاستىدىكى ئۈزۈكچىلىكى:[مىسال:] ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قامال.

قاماللاتماق

  • قاماللاتماق[يەشمىسى:] «قاماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئون سەر تەڭگە قولىغا قاماللىتىپ قويۇڭلار، پارا ئاپتۇ دېيىشسۇن.

قاماللاشماق

  • قاماللاشماق[يەشمىسى:] «قاماللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاماللانماق

  • قاماللانماق[يەشمىسى:] «قاماللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاماللىماق

  • قاماللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قولىنىڭ بەش بارمىقى بىلەن سىقىمداپ تۇتماق، چاڭگاللىماق:[مىسال:] مەخسۇتبەگ ئىمام خاتىپنىڭ چاپىنىنىڭ ياقىسىدىن قاماللاپ تۇتۇپ، چېدىرنىڭ ياغىچىغا غەزەپ بىلەن ئىتتىرىۋەتتى.

قامالماق

  • قامالماق[يەشمىسى:] «قامىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شامەخسۇت ۋاڭ تەرىپىدىن قامالغان 54 كىشى دەرھال بوشىتىلىدۇ.

قامان

  • قامان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① شامانىزم، شامان دىنى:[مىسال:] قامان قاتارلىق ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ ئېتىقاد مەزمۇنلىرى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە سىڭىشىپ ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.[يەشمىسى:] ② شامان دىنىدا باخشىلىق، پېرىخونلۇق قىلىش يولى بىلەن كېسەل داۋالىغۇچى كىشى.

قامەت

  • قامەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىنىڭ تاشقى قۇرۇلمىسى، بەست، بوي-تۇرق:[مىسال:] قامىتى كېلىشكەن يىگىت.

قامەتلىك

  • قامەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قامىتى، گەۋدىسى كېلىشكەن؛ گەۋدىلىك، ئۇستىخانلىق:[مىسال:] قامەتلىك ئادەم. ∥ سەمەتجان ئوتتۇرا بويلۇق، كەڭ غوللۇق ئادەم بولۇپ، كەينىدىن قارىسىڭىز خېلى قامەتلىك كۆرۈنىدۇ.

قامچا

  • قامچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات-ئۇلاغلارنى ئۇرۇپ ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، تاسما، كىرىچ ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن چاچتەك ئۆرۈپ ياسىلىدىغان دەستىلىك سايمان:[مىسال:] ياخشى ئاتقا قامچا لازىم ئەمەس، ياخشى ئادەمگە سۆز (ماقال).

قامچىسىدىن قان تامماق

  • قامچىسىدىن قان تامماق[يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە زالىملىق قىلماق، قاتتىق زۇلۇم سالماق:[مىسال:] قامچىسىدىن قانلار تامار زالىملاردىن بولدۇم بىزار، باي دەستىدىن چەكتىم ئازار، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن.

قامچىسىغا تۈكۈرمەك

  • قامچىسىغا تۈكۈرمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا، مەسىلىگە جىددىي تۇتۇش قىلماق، تەييارلىق كۆرمەك، تەمشەلمەك:[مىسال:] ئارىدا ئابدۇراخمان كۆك كۆز ئەۋەتكەن ئىككى ئادەم قامچىسىغا تۈكۈرگەن پېتى يېتىپ كەلدى.

قامچىسىز

  • قامچىسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قامچا يېمەي، قامچا تەگمەي:[مىسال:] نەغمىسىز شاراب — قامچىسىز ئازاب (ماقال).

قامچىسىمان

  • قامچىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قامچىغا ئوخشايدىغان، قامچا شەكلىدىكى:[مىسال:] قامچىسىمان كاكتۇس.

قامچىگۈل

  • قامچىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قامچا+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈزۈن، تۇخۇم شەكلىدە، يۈزى سېرىق بىلەن قىزىل ئارىلاش رەڭدە بولىدۇ. گۈلى سارغۇچ يېشىل بولۇپ، كۈزدە ئېچىلىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

قامچىلاتماق

  • قامچىلاتماق[يەشمىسى:] «قامچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قامچىلاشماق

  • قامچىلاشماق[يەشمىسى:] ① «قامچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② بىر-بىرىنى قامچا بىلەن ئۇرماق، ئۆزئارا قامچا سېلىپ ساۋاشماق.

قامچىلانماق

  • قامچىلانماق[يەشمىسى:] «قامچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قامچىلىق

  • قامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قامچىسى بار، قامچا تۇتقان:[مىسال:] ئىزدەشكە پۇرسەت بەرمەي، زالىم قامچىلىق چىققان. بۇ دەردلەرگە چىدىماي، سادىر ئاتلىنىپ چىققان.[يەشمىسى:] ② قامچا قىلىشقا بولىدىغان، يېتىدىغان؛ قامچا چىقىدىغان:[مىسال:] بىر قامچىلىق تاسما. ئىككى قامچىلىق كىرىچ.

قامچىلىماق

  • قامچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قامچا بىلەن ئۇرماق، ساۋىماق؛ قامچا سالماق:[مىسال:] ئۇردى باشقا قامچىلاپ، ئاقتى قانلار تامچىلاپ، قاچتىم شۇئان ئۆيىدىن، قالدى تىللاپ، غاجىلاپ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەنقىد قىلماق، سۆكمەك؛ تىللىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئادەم يەيدىغان كونا جەمئىيەتنى قامچىلىدى.

قامچىئوت

  • قامچىئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قامچا+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قامچىئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ئۇ ئىسسىق قايتۇرۇش، زەھەرنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش رولىغا ئىگە.

قامداتماق

  • قامداتماق[يەشمىسى:] «قامدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قامداشماق

  • قامداشماق[يەشمىسى:] «قامدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قامدالماق

  • قامدالماق[يەشمىسى:] «قامدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قۇرۇلۇشنىڭ ئىشچىغا بولغان ئېھتىياجى قامدالغاندىن كېيىن، بىزگە بۇنداق ئىش تېپىلمايدۇ، دېدى ئۇ.

قامدىماق

  • قامدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرماق؛ تەمىنلىمەك؛ باقماق؛ تولۇقلىماق:[مىسال:] ئوتۇنچى بوۋاي بولسا، ئوتۇنچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن.

قامغاق

  • قامغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. شورلۇق ۋە قۇملۇق يەرلەردە ئۆسىدۇ. پۈتۈن تېنى دورا بولىدۇ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، ئۇنى يەنە خەشەك قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

قامغاقلىق

  • قامغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قامغاق ئۆسكەن، قامغاق تولا جاي:[مىسال:] بىز ئايلىنىپ قامغاقلىققا بېرىپ قالدۇق.

قاملاشتۇرماق

  • قاملاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قاملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قادىر بۇ سۆزلەرنى تولىمۇ قاملاشتۇرۇپ بايان قىلىپ، ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈۋەتتى.

قاملاشتۇرۇشماق

  • قاملاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قاملاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قاملاشقان

  • قاملاشقان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېلىشكەن، چىرايلىق:[مىسال:] -پاھ، -دېدى ئاسىم ئاغزىنى چاكىلدىتىپ، -نېمىدېگەن قاملاشقان قىز بۇ، پەرى ئىكەنغۇ بىر پەرى.

قاملاشماق

  • قاملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆڭۈلدىكىدەك، كۈتكەندەك، جايىدا بولماق:[مىسال:] مانا، ئۇنىڭ ئىشى قاملاشتى.[يەشمىسى:] ② خۇددى راستتەكلا بولماق، بەئەينى ئۆزىلا بولماق، ئوخشىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يالغان ئېيتقىنى قاملاشتى.[يەشمىسى:] ③ ياراشماق، خوپ كەلمەك، ماس كەلمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كىيگەن كۆڭلىكى ۋە باشقا كىيىملىرىمۇ ناھايىتى قاملاشقانىكەن. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كېلىشمەك، چىقىشماق، ياخشى كۆرۈشمەك:[مىسال:] ئۇلار ئىككىسى ئاستا-ئاستا قاملىشىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑤ خىل كەلمەك، لايىق كەلمەك؛ ياقماق:[مىسال:] ئۆزۈم قايناتقان مۇسەللەستىن بىر ئاز بار، گۆش بىلەن تولىمۇ قاملىشىدۇ، بىر پىيالە ئوتلاپ كۆرەمدىلا دەپ سورىدى ۋە جاۋابىمنى كۈتمەستىنلا مۇسەللەسنى پىيالىگە قۇيدى.[يەشمىسى:] ⑥ قولاشماق، چاك باسماق، باغلاشماق (پىكىر، گەپ سۆز ھەققىدە):[مىسال:] قانداق، سۆزۈم قاملاشتىمۇ يارايسەن تازا قاملاشتى.[يەشمىسى:] ⑦ كۆنمەك، ماسلاشماق، يەرلەشمەك:[مىسال:] ئىدارىنىڭ كاتەكتەك ئۆيىدە زادىلا قاملىشالمىدىم، ئايرىم قورۇ-جاي قىلايمىكىن دەيمەن، دېدى يۈسۈپ قادىر قاتتىق بىر كېكىرىۋېتىپ.

قاملاشمىغان

  • قاملاشمىغان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كۆڭۈلگە ياقمايدىغان، ياخشى بولمىغان، بىمەنە، تېتىقسىز، تۇتۇرۇقسىز:[مىسال:] قاملاشمىغان گەپ.[يەشمىسى:] ② ساختا، يالغان:[مىسال:] ئاخىرىدا سىزگە شۇنىمۇ ئېيتىۋالاي، سىز ئۆزىڭىزنى ئالىجاناپ، ۋىجدان ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىپ تولىمۇ قاملاشمىغان كومېدىيىنى ئوينىدىڭىز.[يەشمىسى:] ③ ئەپسىز، بىئەپ:[مىسال:] بۇ قار تازا قاملاشمىغان بىرچاغدا ياغقىلى تۇردىغۇ

قامۇس

  • قامۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇكەممەل، تولۇق لۇغەت، ئېنسىكلوپېدىيىلىك لۇغەت:[مىسال:] «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنى ئەكس ئەتتۈرگەن مۇكەممەل قامۇس.

قامۇسچى

  • قامۇسچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قامۇس تۈزۈش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.

قامۇسلۇق

  • قامۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قامۇسقا يېتىدىغان، قامۇسقا لايىق:[مىسال:] ئىقلىمى ياغ، سۈيى شەربەت، تۇپرىقى زەر، تۇتىيا، مىڭ قامۇسلۇق تارىخى بار شانۇشەۋكەتلىك ئېلىم.

قامىماقⅠ

  • قامىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ قاماقخانا، تۈرمە قاتارلىقلارغا سولىماق، قاماققا ئالماق، تۇتقۇن قىلماق:[مىسال:] تۈرمىگە قامىماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇتماق، قامال قىلماق:[مىسال:] يۈرەكنى شېرىنلىكى قامىۋالار، ئۆتكەنلەر يېمىسىمۇ قارىۋالار.

قامىماقⅡ

  • قامىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يورۇقلۇق، نۇر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن كۆرۈش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراپ خىرەلەشمەك؛ ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، پەرق ئېتەلمەيدىغان بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئەتىدىن كەچكىچە تېلېۋىزور كۆرۈپ كۆزلىرىم قاماپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② غورا ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى كۆپ يېگەندە چىش نېرۋىلىرى كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچراش تۈپەيلى چاينىغاندا چىش بىر قىسما بولماق:[مىسال:] ئانىسى غورا يېسە، قىزىنىڭ چىشى قاماپتۇ (ماقال).

قان

  • قان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى سۇيۇق توقۇلما. توق قىزىل ياكى قارىغا مايىل قىزىل رەڭدە بولىدۇ، سېسىق پۇراققا ئىگە. قان پلازمىسى، قان دانىچىسى ۋە قان پلاستىنكىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئوزۇقلۇق ۋە گورمۇنلارنى بەدەندىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارغا توشۇش، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش ئورگىنىغا يەتكۈزۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ۋە ۋىرۇسلارنى توشۇش روللىرىنى ئوينايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جان:[مىسال:] قانغا قان ئالماق.

قان ئاققۇزماق

  • قان ئاققۇزماق[يەشمىسى:] ① زەخىملەندۈرۈش، ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق قانلىق ۋەقە تۇغدۇرماق، ئۆلۈم-يېتىم ئىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماق، قەتل قىلماق:[مىسال:] ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا قان ئاققۇزىدىغان ئىش قىلساق بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② قۇربانلىق قىلماق، مال ئۆلتۈرمەك.

قان بولۇشۇپ كەتمەك

  • قان بولۇشۇپ كەتمەك[يەشمىسى:] ئۇرۇشۇپ بىر-بىرىنى يارىدار قىلىشماق، ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشماق:[مىسال:] تالاشسۇن، دېدى كامال سۆز قىستۇرۇپ، تالىشىپ قان بولۇشۇپ كەتسۇن بۇ ئىتلار

قان چىچار

  • قان چىچار[يەشمىسى:] چىدىماس، تېرىككەك:[مىسال:] سېنى كىم بىلمەيدۇ سەن دېگەن بىر قان چىچار نېمىغۇ دەپ كايىپلا كەتتى سۇلتان.

قان شورىماق

  • قان شورىماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئەزمەك، دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماق:[مىسال:] شامەخسۇت بىلەن بەگ-غوجىلار شۇنچە يىللاردىن بېرى بىزنى قۇل قىلىپ قېنىمىزنى شورىدى. خالىسا ئاتتى، خالىسا ساتتى.

قان ئىچەر

  • قان ئىچەر[يەشمىسى:] قاتىل، ئادەم ئۆلتۈرگۈچى، ئەشەددىي زالىم:[مىسال:] ئۇ قان ئىچەر زالىمدىن قاچان قۇتۇلارمىز دەپ ھەسرەت چېكەتتى.

قان ئىچمەك

  • قان ئىچمەك[يەشمىسى:] قاتتىق زۇلۇم سالماق؛ قاتىللىق قىلماق:[مىسال:] دېمەمسەن، قانۇندا كەمبەغەللەر ئاچلىقتىن ئۆلسۇن، بەگزادىلەر قان ئىچىپ سەمرىسۇن دېگەن ماددا بارمۇ دېدى قاسىم قاينىغان ھالدا.

قان يۇتماق

  • قان يۇتماق[يەشمىسى:] قاتتىق ھەسرەت چەكمەك؛ قاتتىق قايغۇرماق، ئازابلانماق:[مىسال:] بىچارە نەسىبە ئىچىدە قان يۇتۇپ، دەردىنى تېشىغا چىقىرالماي قالدى.

قېنى قىزىق

  • قېنى قىزىق[يەشمىسى:] ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان، تېرىككەك، ئاچچىقى كەلسە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ئاچچىقى يامان:[مىسال:] قېنى قىزىق ئادەم. * ئەمما سىزگىمۇ ئازراق پىكىرىم بار، قېنىڭىز قىزىقراق ئوخشايدۇ، بەزى ئىشلارغا سەۋر-تاقەت قىلىش تەس ئەلۋەتتە، لېكىن شۇنداقتىمۇ، دېدى سەلىم كۆزەتچىگە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

قانائەت

  • قانائەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئازغا ياكى بارىغا كۆنۈش، بارى بىلەن كۇپايىلىنىش، نەپسىنى يىغىش؛ كۆپكە، جىققا ئىنتىلمەسلىك:[مىسال:] قانائەت قىلماق. قانائەت-تۈگىمەس خەزىنە (ماقال). * كەمبەغەلنى قانائەت ئاسرايدۇ.[يەشمىسى:] ② مەمنۇنلۇق، خۇرسەنلىك، مەمنۇنىيەت:[مىسال:] ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ چىرايىدا قانداقتۇر بىر خىل يېقىملىققىنا قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى.[يەشمىسى:] ③ ئارام، تىنچلىنىش:[مىسال:] كۆڭلى قانائەت تاپماق.

قانائەتچان

  • قانائەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانائەت قىلىدىغان، قانائەت قىلالايدىغان، قانائەتلىك:[مىسال:] قانائەتچان ئادەم.

قانائەتچانلىق

  • قانائەتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانائەت قىلىش:[مىسال:] بىلىمدە قانائەتچانلىققا يول قويماسلىق كېرەك.

قانائەتسىز

  • قانائەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانائەت قىلمايدىغان؛ قانائەتچان ئەمەس:[مىسال:] قانائەتلىك بولۇپ يۈرسەڭ سېنىڭدىن باي كىشى بولماس، قانائەتسىز كىشىدىن بەڭگە بولغان بىر خۇمار ياخشى.

قانائەتسىزلىك

  • قانائەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانائەت قىلماسلىق.

قانائەتلەندۈرەرلىك

  • قانائەتلەندۈرەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانائەتكە ئىگە قىلىدىغان، قانائەتلەندۈرىدىغان، قانائەتلەنگۈدەك:[مىسال:] بۇ قىياس بىزنىڭ ھېسسىي سەزگۈلىرىمىزنى كىشىنى قانائەتلەندۈرەرلىك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

قانائەتلەندۈرمەك

  • قانائەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «قانائەتلەنمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئالاھىدە كۇپىيە نۇسخىسىغا ئاساسەن ئۈچىنچى قېتىم يېزىلغان خەت كاتىپنى تولۇق قانائەتلەندۈردى.

قانائەتلەندۈرۈلمەك

  • قانائەتلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «قانائەتلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] [مىسال:] پەرماندا «قورال تاشلىغان پىدائىيلارنىڭ ھەرقانداق ئارزۇ-تەلەپلىرى قانائەتلەندۈرۈلىدۇ» دېيىلگەنىدى.

قانائەتلەنمەك

  • قانائەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېتەرلىك دەپ ھېسابلىماق؛ بارى بىلەن كۇپايىلەنمەك، قانائەت قىلماق، قانماق:[مىسال:] ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلەنمەك. * سىزنىڭ جاۋابىڭىزدىن قانائەتلەندىم.[يەشمىسى:] ② رازى بولماق؛ مەمنۇن، خۇرسەن بولماق:[مىسال:] ھۆرمەت يۈزىسىدىن راخمان بىلەن تۇرسۇنگۈل غىڭ قىلىشمىدى. ئۇلار «قېرىلار بىزدىن رازى بولسىلا مەيلىغۇ» دەپ قانائەتلەندى.

قانائەتلىك

  • قانائەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانائەت قىلىدىغان؛ قانائەتچان:[مىسال:] قانائەتلىك ئادەم. * قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق (ماقال).

قانائەتلىنەرلىك

  • قانائەتلىنەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك، قانائەتلەنگۈدەك:[مىسال:] شائىر ئۇنىڭ ھەربىر سوئالىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەنىدى.

قانائەتلىنىشمەك

  • قانائەتلىنىشمەك[يەشمىسى:] «قانائەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئالە، مانا، ئەمدى قانائەتلىنىشتىڭمۇ دېدى ئۇ قولىدىكى نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ.

قانات

  • قانات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇش ۋە ھاشاراتلارنىڭ ئۇچۇش ئورگىنى:[مىسال:] غازنىڭ قانىتى. كەپتەرنىڭ قانىتى. * قۇش قانىتى بىلەن ئۇچۇپ، قۇيرۇقى بىلەن قونار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئايروپىلاننىڭ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋادا مۇئەللەق تۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قاناتسىمان يېيىق قىسمى.[يەشمىسى:] ③ چاقپەلەك، شامالدۇرغۇچقا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئايلىنىشقا ياكى شامال چىقىرىشقا ياردەم بېرىدىغان قىسمى:[مىسال:] چاقپەلەكنىڭ قانىتى. شامالدۇرغۇچنىڭ قانىتى.[يەشمىسى:] ④ ئاپتوموبىل، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلارنىڭ چاقلىرى ئۈستىگە لايدىن ھىمايە قىلىش مەقسىتىدە ئورنىتىلغان قىسمى.[يەشمىسى:] ⑤ ئىشىك، دېرىزە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان ھەربىر بۆلىكى:[مىسال:] ئۇ دېرىزىنىڭ ئىككى قانىتىنى كەڭ ئېچىۋەتتى.[يەشمىسى:] ⑥ مەلۇم نۇقتا ياكى لىنىيىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان نەرسىلەرنىڭ بىرەر تەرىپى، يېنى:[مىسال:] بىنانىڭ سول قانىتى. مەھەللىنىڭ ئوڭ قانىتى.[يەشمىسى:] ⑦ [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قوشۇن ياكى سەپنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپى:[مىسال:] قۇتلۇق مىڭبېشى مىڭ چېرىكنى دەريا كېچىكىدىن ئىككى قانات قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر تەشكىلات، گۇرۇھ قاتارلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىنقىلابىي ياكى ئەڭ ئەكسىلئىنقىلابىي غايىلەرنى ئالغا سۈرگۈچى گۇرۇپپا:[مىسال:] سول قانات يازغۇچىلار.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياردەمچى:[مىسال:] ئات ئەر كىشىگە قانات (ماقال).

قانات ئاستىغا ئالماق

  • قانات ئاستىغا ئالماق[يەشمىسى:] ھىمايە قىلماق، قوغدىماق، ھامىي بولماق:[مىسال:] پارتىيە قاچان بىزنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ دىلىمىز يورىدى.

قانات سۆرىمەك

  • قانات سۆرىمەك[يەشمىسى:] ① چىشىسىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرمەك، چىشىسى بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق (توخۇ، كەپتەر قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] خوراز مېكىيانغا قانات سۆرىدى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشقىي ياكى شەھۋانىي نىيەتتە خوتۇن-قىزلارنىڭ كەينىدە يۈرمەك، ئىچ پەش تارتىپ قالماق:[مىسال:] قاسىم خېلىدىن بېرى زەيتۇنەمگە قانات سۆرەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرەر مۇۋاپىق ئالاقە يولىنى تاپالماي يۈرەتتى.

قانات ياپماق

  • قانات ياپماق[يەشمىسى:] ھىمايە قىلماق، قوغدىماق:[مىسال:] ئۇ يۈزلۈك بولغىنى ئۈچۈن كەمبەغەللەرگە قانات ياپاتتى، بايلارنىڭ كۆزىگە چۈشكەن قىلتىرىق ئىدى.

قانات يايماق

  • قانات يايماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلماق، راۋاجلانماق، ئەۋج ئالماق:[مىسال:] 5-مارتتىن باشلاپ بۇ پائالىيەت كەڭ قانات يېيىپ كەتتى.

قانىتى سۇنماق

  • قانىتى سۇنماق[يەشمىسى:] «قانىتى قايرىلماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئاتاڭ بار ئىدى قىران بۈركۈتتەك، زالىم قولىدا قانىتى سۇنغان، يېنىپ قىساسنىڭ ئىچىدە ئوتتەك، مۇدھىش زاماننىڭ قۇربانى بولغان.

قانىتى سۇنۇق

  • قانىتى سۇنۇق[يەشمىسى:] ئۆزىگە ئەڭ يېقىن دەپ بىلگەن بىرەر ئادىمى، تۇغقىنى، ياردەمچىسى ياكى جېنىغا بەك ئەسقاتىدىغان بىرەر نەرسىسىدىن ئايرىلغان، مەھرۇم قالغان:[مىسال:] غېرىبلىقتا ياشاۋاتىمەن، قانىتىم سۇنۇق، قولۇم قىسقا، مادارىم يوق.

قانىتىغا قىسماق

  • قانىتىغا قىسماق[يەشمىسى:] ھىمايىسىگە، قانات ئاستىغا ئالماق، قانات ياپماق.

قانىتى قايرىلماق

  • قانىتى قايرىلماق[يەشمىسى:] ئۆزىگە ئەڭ يېقىن دەپ بىلگەن بىرەر ئادىمى، تۇغقىنى، ياردەمچىسى ياكى جېنىغا بەك ئەسقاتىدىغان بىرەر نەرسىسىدىن ئايرىلماق، مەھرۇم قالماق:[مىسال:] ياخشى ئېتىمدىن ئايرىلدىم، قانىتىمدىن قايرىلدىم (ماقال).

قاناتسىز

  • قاناتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانىتى يوق، قانىتى بولمىغان:[مىسال:] قاناتسىز كۈيە.

قاناتسىزلىق

  • قاناتسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانىتى يوقلۇق، قانىتى بولماسلىق.

قاناتسىمان

  • قاناتسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاناتقا ئوخشايدىغان، قانات شەكلىدىكى:[مىسال:] قاناتسىمان تام. قاناتسىمان قېيىش.

قانات-قۇيرۇق

  • قانات-قۇيرۇق[يەشمىسى:] قانات ۋە قۇيرۇق:[مىسال:] قانات-قۇيرۇق چىقارماق. قانات-قۇيرۇقى تەڭشەلمەك.

قاناتلاندۇرماق

  • قاناتلاندۇرماق[يەشمىسى:] «قاناتلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۈسەينەم ئاشۇنداق ئۈمىد، ئىشەنچلەر بىلەن ھامان روھىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئۆزىنى تېتىك، تىمەن تۇتاتتى.

قاناتلاندۇرۇلماق

  • قاناتلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاناتلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قاناتلانماق

  • قاناتلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قانات چىقارماق، قانات پەيدا قىلماق:[مىسال:] قىزىم قەلبىگۈلنىڭ خۇشال ھالدا چۇقان سېلىشى بىلەن تەڭ، قالغان ساۋاقداشلىرىمۇ قاناتلانغان چۈجىلەردەك چۇۋۇرلى قىلماق:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن ئەزالار قاناتلانغان بۈركۈتتەك جاسارىتى ئېشىپ-تېشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] روھلانماق، غەيرەتكە كەلمەك؛ جۇش ئۇرماق:[مىسال:] ئالتۇنخان ئۆزىنىڭ ئىشى ۋە سۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر توغرىلىقىغا كۆڭلى ئىشەنگەنسېرى روھى تېخىمۇ قاناتلىنىپ، ئۆزىنى قۇشتەك يېنىك سېزىپ باراتتى.

قاناتلىق

  • قاناتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قانىتى بار، قانات چىققان:[مىسال:] گىلەملەرنىڭ يەنە بىرىگە قىياپىتى مولۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاناتلىق ئاجايىپ بىر مەخلۇقنىڭ كېيىكنى باسماقداپ يەۋاتقانلىقى كەشتىلەنگەن.[يەشمىسى:] ② قانىتى بار، قانات بېكىتكەن (ئىشىك قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ھويلىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكىنىڭ تۇيۇقسىز غاچىلدىشىدىن ئۇنىڭ دىققىتى بۆلۈندى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تايانچى، ھىماتى، قوغدىغۇچىسى بار؛ قورقماس:[مىسال:] قارا يورغا بارىدا قاناتلىق ئىدىم، تاغدا كېيىك ياياق بولسا مەن ئاتلىق ئىدىم.

قاناتماق

  • قاناتماق[يەشمىسى:] «قانىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سابىرنىڭ پۇت-قولىنى تاش قىرلىرى تىلىپ، جىراپ قانىتىۋەتتى.

قاناشماق

  • قاناشماق[يەشمىسى:] «قانىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قانال

  • قانال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① سۈنئىي ئۇسۇلدا قېزىلغان ۋە كېمە قاتنايدىغان دەريا، ئۆستەڭ:[مىسال:] ئاشلىق توشۇيدىغان كېمىلەر جەنۇب ۋە شىمال ئارىسىدىكى چوڭ قانال ئارقىلىق قاتنايدىكەن. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تېلېۋىزور، رادىئولاردىكى يۇقىرى چاستوتىلىق سۈرەت سىگناللىرى ۋە يېرىم ئاۋاز سىگناللىرى بەلگىلىك كەڭلىكنى ئىگىلىگەن چاستوتا بەلۋېغى:[مىسال:] تۆتىنچى قانال. ئالتىنچى قانال.

قان-تەر

  • قان-تەر[يەشمىسى:] ① قان ۋە تەر. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجىر، ئەمگەك، مېھنەت:[مىسال:] قان-تەر سىڭدۈرمەك. قان-تەر تۆكمەك. * ئۆز ۋاقتىدىكى پاقا-سازاڭلار ماكان تۇتقان بۇ سازلىققا بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق كاتتا زاۋۇتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن بۇ ئادەمنىڭ سەرپ قىلغان قان-تەرى ھېسابسىز ئىدى.

قانتېپەر

  • قانتېپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قان+تېپەر[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوڭغۇراقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. تال، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، قان قۇۋۋىتىنى تولۇقلايدۇ.

قانجۇق

  • قانجۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىتنىڭ چىشىسى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاياللارغا قارىتىلغان ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] ھەي قانجۇق، كەچ بولغاندا نەگە بارىسەن دەپ ۋارقىرىدى ئۇ ئايالى ھەبىبىگە قوپاللىق بىلەن.

قانچە

  • قانچە [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] قايسى مىقداردا نەچچە نەچچىلىك:[مىسال:] سىلەرنىڭ سىنىپتا قانچە ئوقۇغۇچى بار [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئىسىملارنىڭ بەزىبىر تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، ئۆزى ئالمىشىدىغان ئىسىمنىڭ رولىنى ئويناپ ئىسىم ئورنىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قانچىسى مۇئەللىم * بۇ قەلەمنى قانچىگە ئالدىڭ [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرمۇنچە، كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] ئۇ ئاشۇ «ئوغرىلار» بىلەن بىر كۆرۈشسەم دەپ ئارمان قىلىپ قانچە كېچىلەرنى خىيال بىلەن ئۆتكۈزگەنىدى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] يۇقىرى مىقداردا، ئامالنىڭ بارىچە؛ شۇنچىلىك:[مىسال:] قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى. * ئۇ قانچە تېز كەلسە، شۇنچە ياخشى.

قانچە-قانچە

  • قانچە-قانچە[يەشمىسى:] ① «قانچە» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى. [يەشمىسى:] ② ناھايىتى كۆپ، ھېسابسىز، تولا، نۇرغۇن:[مىسال:] بۇ قۇيۇن مىڭلاپ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى، ياشلىقىنى، قانچە-قانچە كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ بۇزۇپ كەتتى.

قانچە-قانچىلاپ

  • قانچە-قانچىلاپ[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، ھېسابسىز، نۇرغۇن، تالاي:[مىسال:] بىز ئۇچاغقىچە بىر-بىرىمىزنى قانچە-قانچىلاپ سېغىنارمىز، ياد ئېتەرمىز.

قانچەيلەن

  • قانچەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] قانچە نەپەر ئادەم، قانچە كىشى:[مىسال:] ئۇ ئۆيدە قانچەيلەن بار؟

قانچىچە

  • قانچىچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانچىلىك، تەخمىنەن قانچە، قانچە ئەتراپىدا:[مىسال:] ئۇ يەردە قانچىچە ئادەم بار

قانچىكى

  • قانچىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] «قانچە» سۆزىنىڭ كۈچەيتىلمىسى:[مىسال:] ئۇ قانچىكى كۆپ ئىشلىسە، ئۆزىنى شۇنچە خاتىرجەم ھېس قىلاتتى.

قانچىلاپ

  • قانچىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانچىلىغان، نۇرغۇن:[مىسال:] ئۆتكەنغۇ ئۆمرى ئاشۇ ئۇستازنىڭ، قانچىلاپ كېچە، كىرپىك قاقماستىن. قولىدا قەلەم، ئالدىدا كىتاب، ئىزدىنىپ تىنماي، ئارام ئالماستىن.

قانچىلىغان

  • قانچىلىغان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، تولا، نۇرغۇنلىغان، ساناقسىز:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا قانچىلىغان ياشلار ئازاب چېكىپ، تىركىشىپ، ئاخىر يەنە ھالاكەتتىن خالىي بولالمايتتى.

قانچىلىك

  • قانچىلىك [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] سانى، مىقدارى، ھەجمى، ئېغىرلىق قاتارلىق جەھەتلەردە قانچە، نەچچە، نەچچىلىك:[مىسال:] كۆزۈم تورلىشىپ ئالەمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالدى. مۇشۇ ھالدا قانچىلىك تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قايسى دەرىجىدە:[مىسال:] تاڭغا يېقىن ئۇ قاچتى، قانچىلىك ماڭغانلىقى نامەلۇم. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «قايسى دەرىجىدىكى؛ ئەرزىمەس؛ ئانچە قىلىپ كەتكۈچىلىكى يوق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ قانچىلىك ئادەم ئىدى. * ئۇنىڭ قىلغىنىنى مەن قىلماي، ئۇنىڭ دەردلىرىنى ئاز تارتقىنىم يوق-قۇ، بۇ قانچىلىك ئىش.

قانچىنچى

  • قانچىنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] سان-تەرتىپى ئېنىق بولمىغان شەيئىلەرنىڭ ئورۇن-تەرتىپىنىڭ «قانچە، نەچچە» ئىكەنلىكىنى سوراش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سوراق ئالمىشى:[مىسال:] ئۇ قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇغانىكەن

قانخور

  • قانخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ قېنىنى ئىچىپ ياكى شۈمۈرۈپ ياشايدىغان. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆلتۈرۈش، قان تۆكۈشكە ئامراق، شۇنداق ئىشقا ئادەتلەنگەن، قاتىل:[مىسال:] قانخور دۈشمەن. قانخور جاللات. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىلەرنى شەپقەتسىز ئېزىدىغان، قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان؛ زالىم:[مىسال:] دۈشمەن تۈرمىسىدە يېتىپ تۇرۇپمۇ قانخور ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ياۋۇزلۇقلىرىغا ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن.

قانخورلۇق

  • قانخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قان تۆكۈش؛ شەپقەتسىز ئېزىش، ئېغىر ئېكسپىلاتاتسىيە:[مىسال:] ئۇ زالىملارنىڭ قانخورلۇقىنى ئەلگە تونۇتماقچى، ۋاڭنىڭ دەھشەتلىك زۇلمى ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن، جازالانغان، خورلانغانلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماقچى بولدى.

قانداش

  • قانداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان، بىر ئەۋلادقا مەنسۇپ؛ قېرىنداش:[مىسال:] ئەي جىن، بۇ كېيىك مېنىڭ ئۆز قاندىشىم، دەپتۇ بوۋاي سۆز باشلاپ.

قانداشلىق

  • قانداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر ئەۋلادقا مەنسۇپلۇق، قېرىنداشلىق:[مىسال:] ئەمگەكچى خەلق بىلەن قانداشلىقى ۋە پىكىرداشلىقى سەۋەبىدىن ئەنۋەرنىڭ زۇلۇمغا، فېئوداللارغا ۋە روھانىيلارغا نەپرىتى چەكسىز. [يەشمىسى:] ② ئىنسانلاردا تۇغۇلۇش بىلەنلا تەبىئىي شەكىللىنىدىغان مۇناسىۋەت. مەسىلەن، ئاتا-ئانا بىلەن قىز-ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت:[مىسال:] قانداشلىق نەزەرىيىسى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى. قانداشلىق ئاداۋىتى.

قانداق

  • قانداق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بەلگە، سۈپەت، خۇسۇسىيەت ۋە ھالەت قاتارلىقلار ھەققىدىكى سوراقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ قانداق كىتاب[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايسى خىلدىكى، قانداق تەرزدىكى:[مىسال:] ياخشى، يەنە قانداق ئىسىملار بار، بىز شۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىۋالايلى، دەپ سورىدى ئۇ يېنىدىكىلەردىن. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانچىلىك، قانچىلىك دەرىجىدىكى، قانداقسىگە:[مىسال:] يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ قانداق زىيان تارتقانلىقىنى ھەممىڭلار كۆردۈڭلار. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بەزى سۈپەتلەرگە ئۈندەشلىك كۈچەيتمە بولۇپ كېلىپ، «نېمىدېگەن، زەپمۇ، ئەجەبمۇ» دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ:[مىسال:] قارا، بۇ باغ قانداق ياخشى * ئېتىزنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى قانداق چىرايلىق⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قانداق تەرزدە، قايسى يوسۇندا، قايسى ئۇسۇلدا:[مىسال:] سوپۇن قانداق ياسىلىدۇ

قانداقتۇر

  • قانداقتۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① قانداقلىقى نامەلۇم؛ بەلگىسى، سۈپىتى، خۇسۇسىيىتى ئۇنچىۋالا ئېنىق بولمىغان؛ ئاللىقانداق:[مىسال:] قانداقتۇر بىرنەرسە. * ئۇنىڭ مېڭىشلىرىدىن قانداقتۇر بىر گۈزەللىك، نازاكەتلىك ئىپادىلىرى چىقىپ تۇراتتى. [يەشمىسى:] ② قايسى، كىملىكى نامەلۇم، قايسىبىرلىكى ئۇ قەدەر ئېنىق بولمىغان؛ ئاللىكىم:[مىسال:] قانداقتۇر بىر ياش يىگىت سىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.

قانداقچە

  • قانداقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قانداق، قانداقلارچە، قانداق قىلىپ، قانداقسىگە؛ نېمىگە ئاساسەن؛ قايسى يول بىلەن:[مىسال:] قىز غەزەپ بىلەن شۇنچىلىك چاپسان ھەرىكەت قىلغانىدىكى، قامچىنىڭ قانداقچە قولىغا ئۆتۈپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى.

قانداقچىسىغا

  • قانداقچىسىغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قانداق، قانداق قىلىپ، قانداقلارچە، نېمىشقا، نېمە ئۈچۈن، نېمە سەۋەبتىن:[مىسال:] جىمما «سېرك ئويۇنى قانداقچىسىغا ئېسىگە چۈشۈپ قالغاندۇر» دەپ ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى.

قانداقلارچە

  • قانداقلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قانداق قىلىپ، قانداقچىسىغا؛ نېمىشقا، نېمە ئۈچۈن:[مىسال:] يىگىت ھېلىقى كامارغا ئېڭىشىپ قارىغاندەك بوپتۇ-يۇ، قانداقلارچە ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغىنىنى ئۆزىمۇ تۇيماي قاپتۇ.

قانداقلىكى

  • قانداقلىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرقانداق، قانداقلا:[مىسال:] قانداقلىكى ئادەم بولمىسۇن رۇخسەت سوراپ كىرىش كېرەك.

قانداقمۇ

  • قانداقمۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] قانداقچە، قانداق قىلىپ، قانداقچىسىغا:[مىسال:] بۇ ئىشنى ئۇ قانداقمۇ خىيالىغا كەلتۈرەلىسۇن

قاندۇرماق

  • قاندۇرماق[يەشمىسى:] «قانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، ئوڭدىسىغا يېتىپ كۆككە كۆز تىكتى.

قاندۇرۇشماق

  • قاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] نۇرغۇن كىشىلەر ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھەر ياققا ئۇرۇپ يۈرۈشىدۇ-يۇ، لېكىن ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشالمايدۇ.

قاندۇرۇلماق

  • قاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بازار كۈنلىرى خوتەن شەھەر ئىچىدە تۆت ئورۇندا دۇكان ئېچىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ.

قاندىقىسىغا

  • قاندىقىسىغا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قانداق قىلىپ، قانداقلارچە، نېمىشقا:[مىسال:] قاندىقىسىغا مۇنداق بولۇپ قالدى

قاندىماق

  • قاندىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قانغا بويىماق، قان قىلماق.

قان-زەرداب

  • قان-زەرداب[يەشمىسى:] ① قان ۋە زەرداب:[مىسال:] قان-زەرداب ئاقماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق ئازاب، ئېغىر دەرد-ئەلەم:[مىسال:] چايناپ يۇتاي دەمسەن مېنى قانخور پەلەك، زالىم پەلەك، قان-زەردابقا تولدى يۈرەك.

قانسىراتماق

  • قانسىراتماق[يەشمىسى:] «قانسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆپكىنى قانسىراتماق.

قانسىراشماق

  • قانسىراشماق[يەشمىسى:] «قانسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قانسىرىماق

  • قانسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قان كۆپ چىقىپ كەتمەك، قان ئېقىپ ئازلاپ كەتمەك:[مىسال:] يارىدار قانسىراپ كېتىپتۇ. * ئىسمائىلنىڭ ئاتقان ئوقى خان غوجامنىڭ ئوڭ پۇتىغا تەگدى، خان غوجام قانسىراپ ئاخىرى ئاتتىن يىقىلدى.[يەشمىسى:] ② قان ئازلىقتىن تاتارماق:[مىسال:] مەرھابا ئېڭىشكەن پېتى ئۆمۈرلۈك جۈپتىنىڭ قانسىرىغان لېۋىگە لېۋىنى يېقىپ تۇرۇپ پىچىرلاۋاتاتتى.

قانسىز

  • قانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېنى يوق، قېنى بولمىغان.[يەشمىسى:] ② قېنى ئاز، قېنى كەم؛ رەڭگى ئاقارغان؛ رەڭگى ئۆچكەن، سارغايغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئورۇققىنا كەلگەن گەۋدىسى تېخىمۇ كىچىكلەپ، قانسىز، ياغاق يۈزلىرى پۈرۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قان تۆكۈلمەيدىغان، قانلىق جەڭ قىلماي تۇرۇپ قىلىنغان ياكى قىلىنىدىغان:[مىسال:] قانسىز كۈرەش.

قانسىزلىق

  • قانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قان كەملىك، قان ئازلىق.

قان-قان

  • قان-قان[يەشمىسى:] «قان» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قان-قان يىغلىماق.

قان-قېنىغا سېڭىپ كەتمەك

  • قان-قېنىغا سېڭىپ كەتمەك[يەشمىسى:] تاشلىمايدىغان ئادىتىگە ئايلانماق:[مىسال:] ئۇلار ئۆتمۈشتىن تارتىپ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن كونا ئەقىدىسىگە ئاساسەن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان چىرىك ھاكىمىيەتتىن يەنىلا ئۈمىد كۈتەتتى.

قانلىق

  • قانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېنى بار، قېنى بولغان. [يەشمىسى:] ② قانغا بويالغان، قان يۇقۇپ قالغان، قان چاچراپ تۇرىدىغان:[مىسال:] قانلىق قىلىچ. * قانلىق گەۋدىنىڭ كىملىكىنى، بىر قاراپلا تونۇغىلى بولمايتتى.[يەشمىسى:] ③ قانغا تولغان، قان ئارىلاش:[مىسال:] قانلىق كۆزلەر. * ئۇ ئىپلاس دىققەتسىزلىكتىن قانلىق پاتقاققا دومىلاپ چۈشتى.[يەشمىسى:] ④ ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە-ھادىسە قاتارلىقلارنى ئەسكە سالىدىغان ۋە ياكى شۇلاردىن قېلىپ قالغان:[مىسال:] قانلىق داغ. قانلىق ئۆتمۈش. قانلىق يىللار.[يەشمىسى:] ⑤ قان تۆكۈش، قۇربانلار بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان قان تۆكۈش بىلەن سادىر بولىدىغان؛ ھايات-ماماتلىق:[مىسال:] قانلىق كۈرەش. قانلىق قەسەم. قانلىق ئىنتىقام.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتىللىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن، كەچۈرگىلى بولمايدىغان، كەچۈرگۈسىز، ناھايىتى ئېغىر:[مىسال:] سارايدا بولۇۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، خان-پادىشاھلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، غەلىبە تەنتەنىلىرى ۋە قانلىق جازالار خۇددى چۈشتىكىدەك كۆرۈنەتتى.

قانماق

  • قانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆزى تەلەپ قىلغان، ئېھتىياجلىق بولغان بىرەر ئىشقا، نەرسىگە تويماق، قانائەت ھاسىل قىلماق، قانائەتلەنمەك:[مىسال:] سۇغا قانماق. چايغا قانماق. ئۇيقۇغا قانماق. * يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر مەقسەتكە، مۇرادىغا، ئارزۇ-ئارمانىغا يەتمەك؛ مۇراد-مەقسىتى ھاسىل بولماق:[مىسال:] نەپسى قانماق. كۆڭلى قانماق. * ئورمىنى تولا ئورۇپ، بىلىكىڭ تالدىمۇ يارىم. ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق، يۈرىكىڭ قاندىمۇ يارىم.

قانۇن

  • قانۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئوبېيكتىپ رېئاللىقتا تۈرلۈك ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدا كىشى ئېڭىدىن ۋە ئىختىيارىدىن تاشقىرى ھەمىشە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۇقەررەر باغلىنىش، مۇناسىۋەت:[مىسال:] جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنى. تەبىئەت قانۇنى. زىددىيەت قانۇنى. ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغان ياكى ئېتىراپ قىلىنىدىغان، ئىجراسى دۆلەتنىڭ زورلۇق كۈچى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ھەرىكەت مىزانى. ئادەتتە ئۇ يازما شەكىلدە بولىدۇ. مەسىلەن، ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى دېگەنلەرگە ئوخشاش. [يەشمىسى:] ③ بېجىرىلىشى شەرت، مەجبۇرىي بولغان، قائىدە، ئادەت تۈسىگە كىرگەن تەلەپ، تاپشۇرۇق ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] ئاتىسىنىڭ سۆزى — ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانۇن. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] بىر دىندا قوبۇل قىلىنغان ئەخلاق ۋە رەسىم، رەسمىيەت قائىدىلىرى سىستېمىسى:[مىسال:] شەرىئەت قانۇنى.

قانۇن-پەرمان

  • قانۇن-پەرمان[يەشمىسى:] قانۇن ۋە پەرمان:[مىسال:] ئورمانچىلىق مەيدانىدا ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-پەرمانلارنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى.

قانۇن-تۈزۈم

  • قانۇن-تۈزۈم[يەشمىسى:] قانۇن ۋە تۈزۈم:[مىسال:] سوتسىيالىستىك قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشى.

قانۇنچە

  • قانۇنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى رېتسېپلار توپلىمى.

قانۇنچى

  • قانۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قانۇن تۈزگۈچى ياكى قانۇن تۈزۈش ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى خادىم، قانۇن تۇرغۇزغۇچى ۋە يۈرگۈزگۈچى كىشى:[مىسال:] بۇرۇن ئەخلاق نەزەرىيىسىنى ئىنكار قىلغان قانۇنچى ۋە سىياسەتچىلەرمۇ ئاخىرى جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشقان. [يەشمىسى:] ② قانۇننى ياخشى بىلىدىغان، قانۇنشۇناس.

قانۇنچىلىق

  • قانۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان قانۇنىي تۈزۈمى. ئۇ قانۇن تۈزۈش، قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە قورالىدۇر:[مىسال:] سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى.

قانۇنسىز

  • قانۇنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قانۇنغا توغرا كەلمەيدىغان، قانۇنغا زىت، خىلاپ، قانۇننىڭ سىرتىدىكى، قانۇنىي ئەمەس:[مىسال:] قانۇنسىز ئىش. قانۇنسىز نىكاھ. قانۇنسىز ھەرىكەت. قانۇنسىز ۋاسىتە. [يەشمىسى:] ② قانۇننى ھىمايە قىلمايدىغان، قانۇننى ياقلىمايدىغان، قانۇن تەرەپدارى ئەمەس:[مىسال:] جەمئىيەتتىكى بەزىبىر قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

قانۇنسىزلارچە

  • قانۇنسىزلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قانۇنغا خىلاپ، زىت بولغان ھالدا، قانۇنسىزلىق بىلەن:[مىسال:] ئەگەر كىمكى ئۇنىڭغا قانۇنسىزلارچە دەخلى قىلسا، دۆلەتنىڭ مۇقەررەر ھالدا ئۇنى توسىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ھەقىقىي ئىشەندۈرۈش كېرەك.

قانۇنسىزلىق

  • قانۇنسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانۇنغا خىلاپلىق:[مىسال:] قانۇنسىزلىق قىلماق. *ئەگەر، قانۇنسىزلىق قىلغان ئوغلىمىزغا پەقەت ئاتا-ئانىلىق ھېسسىياتىمىز بىلەنلا مۇئامىلە قىلساق، ئۇ چاغدا بىز ئاشۇ قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن ئوغلىمىزنى تېگىشكەن بولمايمىزمۇ

قانۇنشۇناس

  • قانۇنشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قانۇننى پىششىق بىلىدىغان ياكى قانۇننى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس.

قانۇنشۇناسلىق

  • قانۇنشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دۆلەت ۋە قانۇننى تەتقىق قىلىدىغان پەن:[مىسال:] قەدىمكى يۇنان ۋە رىمدا قۇلدارلارنىڭ بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان قانۇنشۇناسلىقى بارلىققا كەلگەن.

قانۇنلاشتۇرماق

  • قانۇنلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قانۇنلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭمۇ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشتى-دە، بۇ ھوقۇق تارتىۋېلىشنى قانۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشتى.

قانۇنلاشتۇرۇشماق

  • قانۇنلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قانۇنلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قانۇنلاشتۇرۇلماق

  • قانۇنلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قانۇنلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ كۈنى توختام خەت يېزىلىپ، بارماقلىرىنى بېسىشتى ۋە ھىسامىدىن داموللىنىڭ مۆھۈرى بىلەن بۇ ئىش قانۇنلاشتۇرۇلدى.

قانۇنلاشماق

  • قانۇنلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قانۇن بىلەن تەستىقلانماق؛ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولماق، قانۇنغا ئۇيغۇن بولماق:[مىسال:] بۇ ئىش قانۇنلىشىپ قالدى. [يەشمىسى:] ② قانۇنىي دەپ ئېتىراپ قىلىنماق، قانۇنلۇق دەپ تونۇلماق، قانۇنلۇق بولماق:[مىسال:] قانۇنلاشقان تەشكىلات. قانۇنلاشقان ئىملا قائىدىلىرى.

قانۇنلۇق

  • قانۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئېنىق قانۇنلىرى بولغان ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان:[مىسال:] ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت. [يەشمىسى:] ② قانۇن تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن؛ قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان؛ قانۇني كۈچكە ئىگە، قانۇنغا ئۇيغۇن؛ قانۇنلاشقان:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ قانۇنلۇق لايىقىم.

قانۇن-نىزام

  • قانۇن-نىزام[يەشمىسى:] قانۇن ۋە نىزام ياكى قانۇن ۋە شۇ خىلدىكى قائىدە-تۈزۈم:[مىسال:] دۆلىتىمىزنىڭ باشقا قانۇن-نىزاملىرىغا كەلسەك، ئۇلارمۇ ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە پەرمانلارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن.

قانۇن-ئىنتىزام

  • قانۇن-ئىنتىزام[يەشمىسى:] قانۇن ۋە ئىنتىزام:[مىسال:] قانۇن-ئىنتىزامغا بويسۇنماق. قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلماق.

قانۇنىي

  • قانۇنىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قانۇندا بەلگىلەنگەن، قانۇندا كۆرسىتىلگەن:[مىسال:] قانۇنىي ھوقۇق. قانۇنىي مەجبۇرىيەت. [يەشمىسى:] ② قانۇن يولى بىلەن تەستىقلانغان، قانۇنغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، قانۇنغا ئۇيغۇن، قانۇنغا ئاساسلانغان:[مىسال:] قانۇنىي ھۆججەت. قانۇنىي تەشكىلات. قانۇنىي كۈرەش. [يەشمىسى:] ③ قانۇنغا ئالاقىدار، قانۇن بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان:[مىسال:] قانۇنىي مەسىلە. قانۇنىي جاۋابكارلىق. قانۇنىي جازا.

قانۇنىيەت

  • قانۇنىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر باغلىنىش ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى:[مىسال:] ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت. تەبىئىي قانۇنىيەت.[يەشمىسى:] ② قانۇنىي ئاساستا، تەبىئىي رەۋىشتە ئۆز-ئۆزىدىن كېلىپ چىقىدىغان، تەبىئىي، مۇقەررەر ئىش، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلار.

قانۇنىيەتلىك

  • قانۇنىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قانۇنىيىتى بار، قانۇنىيەت بويىچە بولىدىغان؛ تەبىئىي:[مىسال:] قانۇنىيەتلىك ئىش. قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىش.[يەشمىسى:] ② قانۇنىيەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولغان:[مىسال:] كىتابنىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدە بولسا، قانۇنىيەتلىك خۇلاسىلەر ۋە بەزى تەجرىبىلەر يېزىلغانىدى.

قانۇنىيلىق

  • قانۇنىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق:[مىسال:] بۇ دۆلەتتە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنىيلىق ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتقىچە، مۇھىم ھالدا يەنى يېرىم ئەسىر دېگۈدەك ساقلىنىپ كەلدى.

قانۇن-ياساق

  • قانۇن-ياساق[يەشمىسى:] قانۇن ۋە ياساق.

قانىسە

  • قانىسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى سېرىق پەردىسى. تېبابەتچىلىكتە ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى، قەي قىلىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

قانىغاق

  • قانىغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] قان پلازمىسىدا مەلۇم خىلدىكى شارچە ئاقسىل كەم بولۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان تۇغما كېسەللىك.

قانىماق

  • قانىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قان سىرتقا تەپمەك، قان چىقماق:[مىسال:] ئاغزى قانىماق. بۇرنى قانىماق. قولى قانىماق.

قان-ياش

  • قان-ياش[يەشمىسى:] ① قان ۋە ياش.[يەشمىسى:] ② قانلىق ياش، قان ئارىلاش ياش:[مىسال:] بۇ دەرد-ئەلەملەرنى بىز تارتىپ تۈگەتسەك بولاتتى، دېدى بوۋاي چوڭقۇر تىنىپ، ئاتا-بوۋىلارنىڭ قان-يېشى ئاخىرى سىلەرگىمۇ مىراس بولۇپ قالدى.

قان-يىرىڭ

  • قان-يىرىڭ[يەشمىسى:] قان ۋە يىرىڭ:[مىسال:] قان-يىرىڭنى تازىلىماق. قان-يىرىڭلارنى ئادالىماق.

قاۋاتماق

  • قاۋاتماق[يەشمىسى:] «قاۋىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىتنى قاۋاتماق.

قاۋاشماق

  • قاۋاشماق[يەشمىسى:] «قاۋىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتراپىمدا بىر نەچچە ئىت، تەرەپ-تەرەپتىن قاۋىشىپ ئېتىلىپ كەلدى.

قاۋاقⅠ

  • قاۋاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خىلۋەت، چەت، ياقا؛ جىمجىت، تىنچ.

قاۋاقⅡ

  • قاۋاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاراق ساتىدىغان دۇكان، قاۋاقخانا.

قاۋاقخانا

  • قاۋاقخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس ھاراق سېتىپ تىجارەت قىلىدىغان دۇكان، ھاراق دۇكىنى، مەيخانا:[مىسال:] مەن قانداق قىلىپ قاۋاقخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.

قاۋاماش

  • قاۋاماش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغ چېكىلگەن كاكچا (نان).

قاۋان

  • قاۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياۋا توڭگۇزنىڭ ئەركىكى:[مىسال:] بولغاچ ئىناق-بىر گەۋدە، بۇ يۇرتتىكى پالۋانلار. تېگەلمەسكەن ئۇلارغا، بۆرى-ئېيىق، قاۋانلار.

قاۋانلىق

  • قاۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاۋانلار بار، قاۋانلار توپلىشىپ ياشايدىغان يەر:[مىسال:] قاۋانلىققا بارماق.

قاۋشىماق

  • قاۋشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قاۋىماق»قا قاراڭ.

قاۋ-قاۋ

  • قاۋ-قاۋ[يەشمىسى:] ئىت ھاۋشىغاندا چىققان ئاۋاز.

قاۋۇل

  • قاۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ① بەستلىك، ساغلام؛ كۈچلۈك:[مىسال:] قاۋۇل ئادەم. * ئەخمەتجان قاۋۇل قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلەيدىغان، ئېگىز بوي، ئاق يۈزلۈك يىگىت ئىدى.[يەشمىسى:] ② چىرايلىق، كېلىشكەن، گۈزەل:[مىسال:] ئاق دوپپىسى بىلەن ئاق خەسە كۆڭلىكى ئۇنىڭ كەڭ قاۋۇل بەستىگە خويمۇ ياراشقان بولۇپ، چىرايىدىن كۈلكە يىغىپ تۇراتتى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان:[مىسال:] بىزمۇ ئەسلى قاۋۇل خەلق ئىدۇق. جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئالتۇندەك بىپايان تۇپراقتا چېدىر-بارگاھلارنى قۇرۇپ قەلئە-شەھەرلەرنى سېلىپ ئۆز-ئۆزىمىزگە خوجا بولۇپ، ئۆز-ئۆزىمىزنى سورىغان خەلق ئىدۇق.

قاۋۇللۇق

  • قاۋۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاۋۇل ھالەت، قاۋۇللارغا خاس خۇسۇسىيەت:[مىسال:] مېنىڭ مەسلىھەتىم شۇكى، پادىشاھنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇ قىزنىڭ ھۆسن-جامالى ۋە قاۋۇللۇقىنى تەرىپ قىلشىمىز كېرەك.

قاۋىماق

  • قاۋىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قاۋ-قاۋ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، ھاۋشىماق (ئىت ھەققىدە):[مىسال:] ئىت قاۋىغان يەردە ئادەم بار (ماقال).

قائىدە

  • قائىدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلەيدىغان تەرتىپ؛ قانۇن:[مىسال:] سۆز ياساش قائىدىسى. يىلتىز چىقىرىش قائىدىسى. كۆپەيتىش قائىدىسى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ قانداق بېجىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى رەسمىي كۆرسەتمە، يوليورۇق ياكى ئومۇم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تەرتىپ:[مىسال:] ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەمگەك قائىدىسىگە قەتئىي رىئايە قىلىش كېرەك.[يەشمىسى:] ③ رەسىم، ئادەت، يوسۇن:[مىسال:] قەدىمدىن قالغان قائىدە. * مىرزا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ تاجىك قائىدىسى بويىچە ئۆزئارا قوللىرىغا سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى.

قائىدە-تۈزۈم

  • قائىدە-تۈزۈم[يەشمىسى:] قائىدە ۋە تۈزۈم:[مىسال:] كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇلاغ ئىشلەتكۈچىلەر بارا-بارا ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ ئاتخانىمىز بۇ بىر قائىدە-تۈزۈمگە ئايلاندى.

قائىدە-يوسۇن

  • قائىدە-يوسۇن[يەشمىسى:] قائىدە ۋە يوسۇن:[مىسال:] مىللىي قائىدە-يوسۇن. قائىدە-يوسۇننى بىلىدىغان بالا.

قائىدە-يوسۇنلۇق

  • قائىدە-يوسۇنلۇق[يەشمىسى:] قائىدە-يوسۇنى بار، قائىدە-يوسۇنلارغا ئادەتلەنگەن، قائىدە-يوسۇنلارغا ئەمەل قىلىدىغان:[مىسال:] قائىدە-يوسۇنلۇق بالا. * بۇ ئايال ناھايىتى قائىدە-يوسۇنلۇق، ئىززەت-ئىكراملىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

قائىدىسىز

  • قائىدىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قائىدە-يوسۇننى بىلمەيدىغان، قائىدىگە ئەمەل قىلمايدىغان، قائىدىلىك ئەمەس؛ قائىدىگە چۈشمەيدىغان، قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان:[مىسال:] قائىدىسىز ئىش قىلماق.

قائىدىسىزلىق

  • قائىدىسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قائىدىگە خىلاپ ئىش، قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت:[مىسال:] ئۇ كونا تونۇشلارنى ئۇزاتقاندا، قانداقلا بولمىسۇن، بىرئاز نەرسە ئېلىش لازىم-دە، بولمىسا تولىمۇ قائىدىسىزلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

قائىدىلەشتۈرمەك

  • قائىدىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «قائىدىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى قائىدىلەشتۈرمەك.

قائىدىلەشتۈرۈلمەك

  • قائىدىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «قائىدىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى قائىدىلەشتۈرۈلدى.

قائىدىلەشمەك

  • قائىدىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قائىدىگە ئايلانماق:[مىسال:] ھەر جۈمە كۈنى تۇپراق بېشىغا چىقىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا قائىدىلىشىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② قائىدىگە، سىستېمىغا چۈشمەك؛ قائىدىگە ئۇيغۇنلاشماق:[مىسال:] ئۇيغۇرلاردا تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش ئاستا-ئاستا قائىدىلەشمەكتە.

قائىدىلىك

  • قائىدىلىك [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قائىدە-يوسۇننى بىلىدىغان، قائىدىگە ئەمەل قىلىدىغان:[مىسال:] قائىدىلىك بالا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قائىدە بويىچە، قائىدىگە ئۇيغۇن، قائىدىسى بىلەن؛ قائىدىدىن چىقماي:[مىسال:] ئۇ تانسىنى ناھايىتى يېنىك ۋە قائىدىلىك ئوينايتتى.

قاي

  • قاي[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قايسى، قانداق، قاچان:[مىسال:] قاي چاغ. قاي زامان.

قاياش

  • قاياش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئومۇمەن بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىنى، كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان يېقىن كىشىلەر، ئۆز خىلى:[مىسال:] كەمبەغەلنىڭ قاياشى كەمبەغەل (ماقال).  مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى بىلەن (ماقال).[يەشمىسى:] ② شەپقەتچى، نىجاتچى، باشپاناھ:[مىسال:] ھېكايىنى ئاڭلاپ بولۇپ دېدىم مەن شۇئان: كەمبەغەلگە قاياش ئىكەن بىزنىڭ ئەخمەتجان.

قاياق

  • قاياق[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]قاي+ياق[[يەشمىسى:] قايسى ياق، قايسى تەرەپ، قەيەر:[مىسال:] سىز قاياقتىن كەلدىڭىز

قايان

  • قايان[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]قاي+يان[[يەشمىسى:] قايسى ياق، قايسى تەرەپ، قاياق، قەيەر:[مىسال:] ئەل قايان — سەن شۇيان (ماقال). * قىشلىقى قايان باراي، ياز كەلسە ساراي سالاي (ماقال).

قايتا

  • قايتا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يېڭىدىن، باشقىدىن، يەنە؛ يەنە بىر قېتىم؛ تەكرار:[مىسال:] قايتا ئەملەش. قايتا بىرىكىش. قايتا ئوقۇش.

قايتا-قايتا

  • قايتا-قايتا[يەشمىسى:] بىرنەچچە قېتىم، تەكرار-تەكرار، يېنىش-يېنىش:[مىسال:] قايتا-قايتا ئويلانماق. قايتا-قايتا تەكشۈرمەك. قايتا-قايتا سورىماق.

قايتما

  • قايتما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايتىدىغان، قايتىش ھەرىكىتىنى ئورۇندايدىغان:[مىسال:] قايتما جەريان.

قايتماس

  • قايتماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرقانداق ئىشتىن، خەۋپ-خەتەردىن باش تارتمايدىغان، ئىرادىسىدىن يانمايدىغان؛ قەيسەر:[مىسال:] قايتماس ئىرادە.

قايتماسلىق

  • قايتماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسىدىن قايتمايدىغان، يانمايدىغان ئادەت، خۇسۇسىيەت.

قايتماق

  • قايتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسلى كەلگەن ياكى تۇرغان يېرىگە بارماق، دەسلەپكى يېرىگە كەلمەك:[مىسال:] ئۆيگە قايتماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە تېگىپ يانماق:[مىسال:] ئۇ توپنى كۈچ بىلەن تېپىۋېدى، ۋارىتانىڭ ئۈستۈنكى ياغىچىغا تېگىپ كەينىگە قايتتى.[يەشمىسى:] ③ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلمەك، بۇرۇنقى ھالىتىگە ئوخشاش بولماق:[مىسال:] ناۋادا ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلسا، مەن 20 نەچچە يىللىق بۇرۇقتۇرمىلىقنى ئاخىرلاشتۇرىمەن-دە، ياشلىقىمغا قايتىمەن.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يانماق، سوۋۇماق:[مىسال:] دىلى قايتماق. كۆڭلى قايتماق.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋاز كەچمەك، يانماق:[مىسال:] پىكرىدىن قايتماق. نىيىتىدىن قايتماق. خاتا يولدىن قايتماق.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەتمەك، يوقالماق، تۈگىمەك:[مىسال:] ئىسسىقى قايتماق. ئىششىقى قايتماق. * ئۇنىڭ ئاچچىقى قايتتى.[يەشمىسى:] ⑦ سېتىلىپ تۈگىمەي ئېلىپ كېلىنمەك (تىجارەت ھەققىدە):[مىسال:] قايتقان مالدا بەرىكەت بار (ماقال).

قايتۇرغۇچ

  • قايتۇرغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قايتۇرىدىغان، قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان نەرسە، ئەسۋاب:[مىسال:] چاقماق قايتۇرغۇچ.

قايتۇرما

  • قايتۇرما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايتۇرۇلىدىغان ياكى قايتۇرۇپ قىلىنىدىغان:[مىسال:] قايتۇرما ھۇجۇم. قايتۇرما زەربە. قايتۇرما مۇھاسىرە. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايتىلىنىدىغان:[مىسال:] قايتۇرما كېزىك. قايتۇرما چېتىشتۇرۇش.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ناخشا ئاھاڭلىرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئورۇنداشتىن كېيىن تەكرارلىنىپ قايتا كەلگەن بۆلەك كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

قايتۇرماق

  • قايتۇرماق[يەشمىسى:] ① «قايتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانام سەل ياخشىلانغاندا دوخىىنغان نەرسىنى جايىغا قويماق ياكى ئىگىسىگە ياندۇرۇپ بەرمەك، ئەۋەتمەك:[مىسال:] قەرزىنى قايتۇرماق. كىتابنى كىتابخانىغا قايتۇرماق.

قايتۇرۇشچانلىق

  • قايتۇرۇشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كۈچەيتكۈچىنىڭ چىقىش ئېلېكتر زەنجىرىدىكى بىر قىسىم ئېنېرگىيىنى كىرىش ئېلېكتر زەنجىرىگە قايتۇرۇپ، كىرىش سىگنالىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش ياكى ئاجىزلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتى.

قايتۇرۇشماق

  • قايتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قايتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قەرزلەرنى قايتۇرۇشماق.

قايتۇرۇلماق

  • قايتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قايتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خاتا ھالدا ئېلىنغان 70 يۈەن جەرىمانە پۇل قايتۇرۇلدى ھەمدە جەرىمانە قويۇلغۇچىدىن ئەپۇ سورالدى.

قايتىدىن

  • قايتىدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يەنە بىر قېتىم، يېڭىۋاشتىن، قايتا:[مىسال:] قايتىدىن يازماق. قايتىدىن ئىشلىمەك. قايتىدىن كۆرۈپ چىقماق.

قايتىشچانلىق

  • قايتىشچانلىق[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋاز دولقۇنى، نۇر دولقۇنى ياكى ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى قاتارلىقلارنىڭ توسالغۇغا ياكى ئەسلىدىكى مۇھىتقا ئوخشىمايدىغان مۇھىتقا يولۇققاندا سۇنۇپ يېنىش خۇسۇسىيىتى.

قايتىشماق

  • قايتىشماق[يەشمىسى:] «قايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئالتە يىل ئوقۇدى، بىللە دەرس تەييارلىدى، مەكتەپتىن بىللە قايتىشتى.

قايتىلاتماق

  • قايتىلاتماق[يەشمىسى:] «قايتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بولدى، بولدى، ئەمدى، مېنىڭ مىجەزىمنى دېسەڭ، سېنى يۈز قېتىم قايتىلىتىمەن. قېنى غىزا يەيلى.

قايتىلاشماق

  • قايتىلاشماق[يەشمىسى:] «قايتىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قايتىلانما

  • قايتىلانما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قايتا سادىر بولۇش، قايتىلىنىش:[مىسال:] ئىشنىڭ قايتىلانمىسى. مەسىلىنىڭ قايتىلانمىسى.

قايتىلانماق

  • قايتىلانماق[يەشمىسى:] «قايتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنداقتا، داۋالاش ئۇسۇلىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن مۇنداق قايتىلىنىش يۈز بېرىدۇ * بۇنداق ۋەقەنىڭ يەنە قايتىلانمىقى تەس.

قايتىلىما

  • قايتىلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايتىلىنىدىغان، تەكرار سادىر بولىدىغان، تەكرارلىنىدىغان:[مىسال:] قايتىلىما رېئاكسىيە. قايتىلىما كېزىك.

قايتىلىماق

  • قايتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەكرارلىماق، تەكرار ئېيتماق ياكى قىلماق:[مىسال:] سۆزىنى قايتىلىماق. قايتىلاپ سورىماق.

قايتىۋاشتىن

  • قايتىۋاشتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.]قايتا+باش+تىن[[يەشمىسى:] قايتىدىن، باشقىدىن، قايتا؛ يەنە، يېڭىۋاشتىن:[مىسال:] مەن سىزنى قايتىۋاشتىن يوقلاپ كېلىمەن.

قايچا

  • قايچا [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەخت، قەغەز، قەلەي قاتارلىق نېپىز نەرسىلەرنى كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە ئىككى دانە پولات تىغنى بىر-بىرىگە ئالماشتۇرۇپ، كېسىشكەن جايىنى ۋىنتا ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇش يولى بىلەن ياسىلىدۇ:[مىسال:] رەخت قايچىسى. قەغەز قايچىسى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ شەكىلدىكى كېسىشمە:[مىسال:] قايچا پەرق. قايچا پۇت. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋازنىڭ ئۇلاغنى قوشىدىغان ئاچا ياغىچى.

قايچىسىمان

  • قايچىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايچىغا ئوخشاش، قايچا شەكلىدىكى:[مىسال:] قايچىسىمان پەرق.

قايچىقۇدا

  • قايچىقۇدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]قايچا+قۇدا[[يەشمىسى:] ئوغلىغا بىراۋنىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ قىزىنى شۇ كىشىنىڭ ئوغلىغا بېرىپ تويلاشقان قۇدا؛ قوش قۇدا:[مىسال:] ئۇ ئىككىسى قايچىقۇدا ئىدى.

قايچىلاتماق

  • قايچىلاتماق[يەشمىسى:] «قايچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قايچىلاش

  • قايچىلاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايچا شەكلىدىكى:[مىسال:] قايچىلاش بۇلۇڭ.

قايچىلاشتۇرماق

  • قايچىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قايچىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېغىلنىڭ ئۆگزىسىگە چەنزىلەرنى قايچىلاشتۇرۇپ قويماق.

قايچىلاشتۇرۇلماق

  • قايچىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قايچىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قايچىلاشماق

  • قايچىلاشماق[يەشمىسى:] ① «قايچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ قايچا شەكلىگە كەلمەك، كېسىشمەك:[مىسال:] خىزىر:-سالماق قەدەم بىلەن غارغا قاراپ مېڭىۋەرسەڭ بىر-بىرى بىلەن تىنىمسىز قايچىلىشىپ تۇرىدىغان قىلىچقا يولۇقىسەن...-دەپتۇ-دە، كۆزدىن غايىب بوپتۇ.

قايچىلانما

  • قايچىلانما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ئۆتۈشىدىغان، قايچىلىنىدىغان، ئۆزئارا كېسىشىدىغان، ئۆتۈشمە، كېسىشمە:[مىسال:] قايچىلانما تىرەك. قايچىلانما كۈچ. قايچىلانما دېفورماتسىيە.

قايچىلانماق

  • قايچىلانماق[يەشمىسى:] ① «قايچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە ئۆتۈشمەك، كېسىشمەك، قايچىلاشماق.

قايچىلىق

  • قايچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايچىسى بار، قايچا سېتىۋالغان.

قايچىلىما

  • قايچىلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «قايچىلانما»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ناشتا قىلىۋېتىپ، بىر ئېغىز گەپكە بىر ئېغىز چاقچاق قوشۇپ كۈلگىنىدە بولسا، جۇۋاننىڭ قايچىلىما يىپ بىلەن تېرىلگەن قېشىدەك ئىنچىكە، قارا قېشى سەكرەپ-سەكرەپ تۇراتتى.

قايچىلىماق

  • قايچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قايچا بىلەن قىيماق، كەسمەك، قايچا سالماق:[مىسال:] ئۇستا ئالىم ھېكايىسىنى بۇ يەرگە يەتكۈزگەندە، شامنىڭ كۆيگەن پىلىكىنى قايچىلىدى.

قايدا

  • قايدا[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قەيە، قايسى يەردە، قايسى جايدا، نەدە، قايسى تەرەپتە، قاياقتا:[مىسال:] قاپقارا بوران كەلدى، تار كوچا راۋان كەلدى، قايدىسەن جېنىم ئانام، سەرگەردان بالاڭ كەلدى.

قايدۇرماق

  • قايدۇرماق[يەشمىسى:] «قايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] داداڭلار: «كېتىمىز، چەت ئەلگە كېتىمىز» دەپ بېشىمنى قايدۇردى.

قايدۇرۇشماق

  • قايدۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قايدۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قايدۇرۇلماق

  • قايدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قايدۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قايراق

  • قايراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① كىچىك تاغ، ئېدىر. [يەشمىسى:] ② بىلەي.

قايرىتماق

  • قايرىتماق[يەشمىسى:] «قايرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قايرىشتۇرماق

  • قايرىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قايرىش ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماق، قايرىماق:[مىسال:] ئۇلار قەمەرنىسانىڭ قولىنى قايرىشتۇرۇپ ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى.

قايرىشماق

  • قايرىشماق[يەشمىسى:] «قايرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئىككىسى كېلىپلا كوچىنىڭ دوقمۇشىدا تۇرغان بىر ياشنىڭ قوللىرىنى قايرىشتى.

قايرىلما

  • قايرىلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايرىلغان ياكى يايسىمان ئېگىلگەن، قايرىما:[مىسال:] قايرىلما كىرپىك. قايرىلما قونچلۇق ئۆتۈك.

قايرىلماق

  • قايرىلماق[يەشمىسى:] ① «قايرىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جېسەكچىلەر بۆرىدەك ئېتىلىپ بېرىپ بەھرامغا تاشلىنىدۇ، جىددىي ئېلىشىشتىن كېيىن، بەھرامنىڭ قوللىرى قايرىلىپ باغلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسلىدىكى تۇرۇۋاتقان ئورنىدىن سۈرۈلمەك، قوزغالماق، يۆتكەلمەك (قۇياش ھەققىدە):[مىسال:] ئۇلار ماڭا-ماڭا، كۈن قايرىلغان ۋاقىتلاردا تۇغان ئايرىيدىغان سۇنىڭ بويىغا بېرىپتۇ.

قايرىلىشماق

  • قايرىلىشماق[يەشمىسى:] «قايرىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىر توپ خۇشال قىز-يىگىتلەر قولتۇقلىشىپ، راۋاب، تەمبۈر، گارمونلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ مەدەنىيەت ئۆيى تەرەپكە قايرىلىشتى.

قايرىما

  • قايرىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايرىپ قويۇلغان ياكى قايرىلىپ تۇرىدىغان، قايرىلما:[مىسال:] قايرىما ياقا. قايرىما قاش.

قايرىماق

  • قايرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۈز ياكى بىرەر يۆنىلىشتىكى نەرسىنى ئالدىغا، كەينىگە ياكى يېنىغا قارىتىپ ئەگمەك:[مىسال:] دەرەخ شېخىنى قايرىماق. قولنى قايرىماق.[يەشمىسى:] ② تولغاپ، بۇراپ ئۆزىگە روبىرو قىلماق:[مىسال:] يار بولسا تۈزۈك بولسا، بەش قولىدا ئۈزۈك بولسا، دوست-دۈشمەن ئارىسىدا، قايرىپ سۆيگۈدەك بولسا.[يەشمىسى:] ③ پۈكمەك، قاتلىماق:[مىسال:] ئۇ ئۇزۇن چاپىنىنىڭ پېشىنى قايرىپ بېلىگە قىستۇرۇۋالغانىدى.[يەشمىسى:] ④ توسۇپ تۇرىدىغان بىرەر نەرسىنى بىر يېنىغا تارتىپ ئاچماق (پەردە، مىلەڭزە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ ۋارقىرىغىنىچە ئاق ئۆينىڭ كىگىز ئىشىكىنى قايرىپ سىرتقا چىقتى.[يەشمىسى:] ⑤ بۇرىماق، ئايلاندۇرماق، باشقا تەرىپىگە يۆنەلدۈرمەك:[مىسال:] ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر ئىتتىك كېتىۋاتقان ئېتىنىڭ بېشىنى قايرىپ، يېزا تەرەپكە يول ئالدى.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۆلۈپ ئالماق، تۇتۇپ قالماق:[مىسال:] ھەر قېتىم غەللە سانىغاندا كەم بولغاندا 50 يۈەن قايرىپ قالاتتىم.

قايسى

  • قايسى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① بىرنەچچە كىشى، نەرسە ياكى ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ بىرەرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان سوراقنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئېيتە، سېنى زادى قايسى ئەۋەتتى بۇ يەرگە[يەشمىسى:] ② رىتورىك سوراقتا بولۇشسىزلىقنى، پىكىرنىڭ ئەكسىنى تەكىتلەيدۇ:[مىسال:] قايسى ئانا ئۆز پەرزەنتىنى يامان كۆرىدۇ؟

قايسىبىر

  • قايسىبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.]قايسى+بىر[[يەشمىسى:] ① كىملىكى، نېمىلىكى، قانداق، قەيەردە ياكى قاچانلىقى نامەلۇم؛ ئاللىقايسى، قايسىكى، ئاللىقاند- اق، ئاللىقەيەردىكى:[مىسال:] ئۇنى قايسىبىرىنىڭ ئۆيىدە كۆرگەندەك قىلىمەن.[يەشمىسى:] ② بىر تۈردىكى نەرسە ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىرى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۈستىگە توي قىلىۋالغىنىڭنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇمكى، قوي، قايسىبىرىنى دەي.

قايسىكى

  • قايسىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] «قايسى» سۆزىنىڭ كۈچەيتىلمىسى:[مىسال:] ئەگەر قايسىكى بۇنىڭغا چېقىلىدىغان بولسا، مەندىن كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ.

قايغۇ

  • قايغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، كۈلپەت، دەرد-ئەلەم؛ ھەسرەت؛ كۆڭۈلسىزلىك:[مىسال:] كىشى قايغۇسى ئېتەكتە، ئۆز قايغۇسى يۈرەكتە (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەشۋىش، غەم، غەم-ئەندىشە، غەم-غۇسسە:[مىسال:] قارنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا (ماقال).  ئۆچكىگە جان قايغۇ، قاسساپقا ماي قايغۇ (ماقال).

قايغۇ-ئەلەم

  • قايغۇ-ئەلەم[يەشمىسى:] قايغۇ ۋە ئەلەم:[مىسال:] ئۇ، بىر يىلنى قايغۇ-ئەلەم بىلەن يىغلاپ ئۆتكۈزدى.

قايغۇرتماق

  • قايغۇرتماق[يەشمىسى:] «قايغۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئۆلۈم، يۈرەك باغرىڭىزنى قان قىلىپ، سىزنى قايغۇرتقان بولۇشى مۇمكىن.

قايغۇرماق

  • قايغۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قايغۇ-ئەلەم چەكمەك، غەم قىلماق، غەم-ئەندىشىگە چۈشمەك؛ كۆڭلىنى يېرىم قىلماق:[مىسال:] باي يوقالغىنىغا قايغۇرىدۇ، بۆرە قالغىنىغا قايغۇرىدۇ (ماقال).

قايغۇرۇشماق

  • قايغۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قايغۇرماق»[مىسال:] پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: بىز بۇنىڭدىن بەكمۇ قايغۇرۇشتۇق.

قايغۇ-زار

  • قايغۇ-زار[يەشمىسى:] قايغۇ ۋە زار؛ قاتتىق زارلىنىش:[مىسال:] قۇماق بىرتاز كەبى ئەي «ساي» سېنىڭ خۇنۈك سىياقىڭ بار. بىكار ئۆتكەن ھاياتىڭغا، ئەلەملىك قايغۇ-زارىڭ بار.

قايغۇسىز

  • قايغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايغۇسى، غەم-ئەندىشىسى يوق؛ قايغۇ-ئەلەملەردىن خالىي، تىنچ، خاتىرجەم:[مىسال:] قايغۇسىز ھايات.

قايغۇسىزلىق

  • قايغۇسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قايغۇدىن خالىي، خاتىرجەم ھالەت، تىنچ كەيپىيات.

قايغۇلۇق

  • قايغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قايغۇسى بار، بېشىغا غەم-قايغۇ چۈشكەن، قايغۇ-ئەلەم تارتقان:[مىسال:] شەرىخاننىڭ ياشلىق دەۋرى ئەنە شۇنداق قايغۇلۇق ئىدىكى، ئۇ كۈنلەرنى ئەسلەش موماينىڭ كۆزىدىن ھېلىمۇ ياش ئاققۇزاتتى.[يەشمىسى:] ② قايغۇ-ئەلەم بىلەن تولۇپ تاشقان، مۇسىبەتلىك، ئەلەملىك، غەمكىن، مەيۈس:[مىسال:] ئايالنىڭ چىرايى بىردىنلا قايغۇلۇق تۈسكە كىردى، كۆز چاناقلىرى نەملەشتى.[يەشمىسى:] ③ كىشىنى قايغۇغا سالىدىغان، قايغۇرتىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن بىرەر قايغۇلۇق خەۋەرنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

قايغۇ-ھەسرەت

  • قايغۇ-ھەسرەت[يەشمىسى:] قايغۇ ۋە ھەسرەت:[مىسال:] ئۇ خوتۇنى گۈلسۈمخاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن كۈنلەرنى ئېغىر قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.

قايماقⅠ

  • قايماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىندۇرۇلغان ياكى قاينىتىلغان سۈت يۈزىدە ھاسىل بولىدىغان ۋە تەركىبىدە ماي بولىدىغان نېپىز قەۋەت.

قايماقⅡ

  • قايماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىڭغىر، ئەگرى بولۇپ قالماق؛ ئېگىلمەك:[مىسال:] تاختاي ئاپتاپتا تۇرۇپ قېيىپ قېلىپتۇ.[يەشمىسى:] ② مەلۇم بىر تۈز سىزىق، يۆنىلىشتىن بىر تەرىپىگە چەتلىمەك، كەينىگە يانماق:[مىسال:] ئېقىۋاتقان سۇنى قايدۇرۇپ ئالماق.

قايماقسىز

  • قايماقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايمىقى يوق، قايماق تۇتمىغان.

قايماقلىق

  • قايماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايمىقى بار، قايماق تۇتقان:[مىسال:] بۇ خىل مېھرىبانلىقتىن كۆڭلى سۆيۈنۈپ كەتكەن باتۇر گۈلدەستە راسلىغان قايماقلىق چاينى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشكە باشلىدى.

قايمال

  • قايمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىڭگان، چىشى تۆگە.

قايمۇقتۇرماق

  • قايمۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «قايمۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بىر ئامال بىلەن ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋەتتى.

قايمۇقتۇرۇلماق

  • قايمۇقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قايمۇقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ چاغدا بىزمۇ قايمۇقتۇرۇلغانغۇ، ھازىر ھەممىمىز ئىشنىڭ تېگىنى چۈشەندۇق.

قايمۇقماق

  • قايمۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نېمە، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالماق؛ تەمتىرىمەك، تېنىمەك:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ قايمۇقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ساۋۇت باداڭ بىلەن بىللە ئىش مەيدانىغا كېتىۋاتساق، بىزگە«مەجلىسكە بېرىڭلار» دەپ ئۇقتۇردى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزىگە، ئىش-ھەرىكىتىگە قارىغۇلارچە، خاتا ھالدا ئەگىشىپ كەتمەك؛ ئازماق، ئاداشماق:[مىسال:] بىز ئۇلارنىڭ ئېلاندىكى گەپلىرىدىن قايمۇقۇپ يۈردۇق.

قايمۇقۇشماق

  • قايمۇقۇشماق[يەشمىسى:] «قايمۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قايناتما

  • قايناتما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاينىتىش ئارقىلىق ھازىرلانغان، قاينىتىپ ياسالغان:[مىسال:] قايناتما دورا.[يەشمىسى:] ② بىرنەچچە خىل ماددا ياكى دورىنىڭ سۇدا قاينىتىپ تەييارلانغان ئارىلاشمىسى:[مىسال:] چەت جايلاردىكى مەخپىي رېتسىپلارنىڭ 14-تومىدا «غەربىي يۇرتتىكى ئۆمۈرنى ئۇزارتىش قايناتمىسى» دېگەن دورا رېتسىپى خاتىرىلەنگەن.

قايناتماق

  • قايناتماق[يەشمىسى:] «قاينىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چاي قايناتماق. دورا قايناتماق.

قايناتسا شورپىسى قوشۇلمايدىغان

  • قايناتسا شورپىسى قوشۇلمايدىغان[يەشمىسى:] قىلچىمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى يوق، بىر-بىرى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق؛ مىجەزلىرى زادىلا كېلىشەلمەيدىغان:[مىسال:] بىز بىلەن ئۇلارنى قايناتسا شورپىمىزمۇ قوشۇلمايدۇ.

قايناش

  • قايناش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنىڭ مەلۇم تېمپېراتۇرىغا كەلگەندە جىددىي ھالدا گازغا ئايلىنىش ھادىسىسى. بۇنداق ۋاقىتتا سۇيۇقلۇق يۈزىدە پارلىنىش سادىر بولۇپلا قالماي، بەلكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ پارلىنىش يۈز بېرىپ، ھاۋا كۆپۈكچىلىرى شەكىللىنىدۇ.

قايناشماق

  • قايناشماق[يەشمىسى:] «قاينىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپچىلىك بۇ مەسىلە ھەققىدە تازىمۇ قايناشتى.

قايناق

  • قايناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قاينىغان، قايناپ تۇرغان:[مىسال:] قايناق سۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىسسىق، ھارارەتلىك:[مىسال:] قايناق نەپەس. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاينىغان، ئەۋج ئالغان، جۇش ئۇرغان، قىزغىن، جۇشقۇن:[مىسال:] قايناق مېھنەت. قايناق ئىش. قايناق تۇرمۇش. قايناق كۈرەش. * مەشىق مەيدانى خۇددى قايناق جەڭ مەيدانىغا ئوخشايتتى. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچەيگەن، كۈچ-غەيرەتكە تولغان، تولۇپ تاشقان؛ ئوتلۇق:[مىسال:] قايناق غەزەپ. قايناق قىساس. قايناق ھېسسىيات. قايناق تۇيغۇ.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئادەملەر بىلەن تولۇپ تاشقان، قىزىغان؛ ئاۋات:[مىسال:] قايناق بازار.

قاينام

  • قاينام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۇ ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ چۆرگىلىمەچ بولۇپ ئايلىنىدىغان جايى:[مىسال:] يا قاينامدىن چىقسۇن، يا سايرامدىن (ماقال). [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىش، پائالىيەت، كۈرەش ۋە شۇ قاتارلىقلار قايناپ تاشقان، جۇش ئۇرغان ھالەت:[مىسال:] تۇرمۇش قاينىمى. ئەمگەك قاينىمى.

قاينام-تاشقىن

  • قاينام-تاشقىن[يەشمىسى:] ناھايىتى چاپ-چاپ، قىزىپ كەتكەن، قايناق ھالەت:[مىسال:] مەتنىياز ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھەقىقىي ھالدا چۈشىنىپ، كوللېكتىپ ئەمگەكنىڭ قاينام-تاشقىنىغا ئۆزىنى ئېتىپ، بەختىيار تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ∥ قۇرۇلتاينىڭ ھۆججەتلىرىنى ئۆگىنىش، ئۇنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى بىر قاينام-تاشقىن مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

قاينام-تاشقىنلىق

  • قاينام-تاشقىنلىق[يەشمىسى:] قايناپ تاشقان، ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات قاپلىغان:[مىسال:] قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە.

قايناملىق

  • قايناملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاينىمى بار، قاينام ھاسىل قىلغان، قايناپ تۇرىدىغان:[مىسال:] قايناملىق دەريا. * ئىلىم-پەن دېڭىزى تېرەن ۋە چەكسىز، دولقۇنلۇق، قايناملىق، بورانلىق-ئەنسىز.

قاينىتىلما

  • قاينىتىلما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېبابەتچىلىكتە قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان دورىلار؛ كاشكاپلار:[مىسال:] تېىبابىتىمىزدە كۆپىنچە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر، ئوكسىگېن ۋە كاربونغا باي بولغان گۈل-چېچەكلەر ۋە ھەرخىل مېۋىلەردىن سىقىپ چىقىرىلغان شىرنە-شەربەتلەر ۋە قاينىتىلمىلار (كاشكاپلار) كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

قاينىتىلماق

  • قاينىتىلماق[يەشمىسى:] «قايناتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاينىڭ ئوي-پىكرىچە بۇ نەرسىلەر سەپداشلار ئۈچۈن قاينىتىلىدىغان چاي ۋە كۆڭلىدە ئۇلارغا ئاتاپ قويغان بىردىنبىر قوينىڭ گۆشىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن كېرەك ئىدى.

قاينىماق

  • قاينىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چۆگۈن، قازان قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى سويۇقلۇق كۈچلۈك ئوتنىڭ، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى تۈپەيلى قىزىپ، پار ھاسىل قىلىپ، ۋاراقلاپ تۇرماق؛ قىزىقلىقى مەلۇم دەرىجىگە يەتمەك:[مىسال:] چاي قاينىماق. شورپا قاينىماق. * چاپان كۆيسىمۇ كۆيسۇن، قازان قاينىسۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② پىشماق، پىشىپ يېيىشكە بولىدىغان ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئىككى قوشقارنىڭ كاللىسى بىر قازاندا قاينىماس (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ئۆرلىمەك؛ تۇتماق، كەلمەك:[مىسال:] تەيجىنىڭ زەردىسى قاينىدى، ئۇ بەزمىنى توختاتتى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] جانلانماق، قىزىماق، قىزىپ كەتمەك:[مىسال:] تىياتىرخانىنىڭ ئالدى خۇددى بايرام كۈنلىرىدىكىدەك قاينىغانىدى، مەن ئالدىراپ كۇلۇب ئىچىگە كىردىم. ئويۇن ئاللىقاچان باشلىنىپ كېتىپتۇ.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپەيمەك:[مىسال:] كوچىدا ئادەم قايناپ كېتىپتۇ.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خاپا بولماق، چېچىلماق؛ ئاچچىقلانماق؛ تېرىكمەك:[مىسال:] خەيرىنسا ئېرىنىڭ نېمىگە قايناۋاتقانلىقىنى ئەمدىلا چۈشەندى.

قايىل

  • قايىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رازى بولۇپ، لايىق كۆرۈپ ئېتىراپ قىلىشقا، تەن بېرىشكە تېگىشلىك:[مىسال:] قايىل بولماق. قايىل قىلماق.

قايىللىق

  • قايىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قايىل بولۇش، قايىل بولغان ھالەت:[مىسال:] بۇ سۆز ماڭا تولىمۇ تەسىر قىلدى، مەن قايىللىق بىلەن بېشىمنى لىڭشىتتىم.

قەبرە

  • قەبرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلگەن ئادەمنى كۆمىدىغان جاي، گۆر:[مىسال:] قەرزدارنىڭ قەبرىسى يوق (ماقال). * ئۇ كۈن بويى بوۋىسىنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە دۈم يېتىپ، ئۆزىنى باسالماي يىغلايتتى.

قەبرىچىلىك

  • قەبرىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەبرە ياساش ئىشى، سەنئىتى:[مىسال:] تاجىك قەبرىچىلىكى.

قەبرىستان

  • قەبرىستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قەبرە كۆپ جاي، مازار، گۆرىستان.

قەبرىستانلىق

  • قەبرىستانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قەبرىستان»غا قاراڭ:[مىسال:] جۈمە نامىزىدىن يانغان جامائەت تۇپراقۋېشىنى يوقلاپ ئۆتۈش ئۈچۈن قەبرىستانلىققا كېلىۋاتاتتى.

قەبرىگاھ

  • قەبرىگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «قەبرىستان»غا قاراڭ.

قەبرىگاھلىق

  • قەبرىگاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەبرىگاھ، قەبرە كۆپ جاي:[مىسال:] مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى ئەتىگەنلىك قۇياش بىلەن بىر يۈزى يورۇپ تۇرغان قەبرىگاھلىقنى قاپلىدى.

قەبىلە

  • قەبىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئۆزئارا يېقىن بولغان بىرنەچچە ئۇرۇقنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن كىشىلەر توپى، گۇرۇھى:[مىسال:] تۈركىي قەبىلىلەر. قەبىلە تىلى.

قەبىلىچىلىك

  • قەبىلىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەر قەبىلە-قەبىلە بولۇپ ياشىغان جەمئىيەت؛ كىشىلەرنىڭ قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ ياشىشىغا ئاساسلانغان ئىجتىمائىي تۈزۈم:[مىسال:] ھەرقانداق بىر مىللەت مىللەت بولۇپ شەكىللەنگىچە، چوقۇم بەلگىلىك قەبىلىچىلىك دەۋرىنى بېسىپ ئۆتمەي قالمايدۇ. [يەشمىسى:] ② قەبىلىۋازلىق:[مىسال:] قەبىلىچىلىك قىلماق.

قەبىلىلىك

  • قەبىلىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەبىلىگە تەۋە، قەبىلىگە قارايدىغان، قەبىلىدىن چىققان.

قەبىلىۋاز

  • قەبىلىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆز قەبىلىسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇپ، باشقا قەبىلە-ئۇرۇقلارنى چەتكە قاقىدىغان، باشقا ئۇرۇق-قەبىلىلەرگە قارىتا پەس كۆرۈش، كەمسىتىش پوزىتسىيىسىنى تۇتىدىغان:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ناھايىتى قەبىلىۋاز ئادەم بولۇپ، باشقا قەبىلە ئاقساقاللىرىنى زادىلا كۆزگە ئىلمايتتى.

قەبىلىۋازلىق

  • قەبىلىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز قەبىلىسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇپ، باشقا ئۇرۇق-قەبىلىلەرنى چەتكە قېقىش، پەس كۆرۈش، كەمسىتىش ئادىتى ۋە شۇنداق قىلىق:[مىسال:] ئۇلار قەبىلىۋازلىق قىلىشىپ، كۈچلۈك توقۇنۇش ئىچىگە كىرىپ قېلىشماقتا ئىدى.

قەبىلىۋى

  • قەبىلىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەبىلىگە ئائىت، قەبىلىلەرگە خاس:[مىسال:] ھىندىستان قەدىمدىن تارتىپ قەبىلىۋى ۋە مىللىي مۇزىكىغا باي مەملىكەتلەرنىڭ بىرى.

قەبىھ

  • قەبىھ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان، نەپرەتلەندۈرىدىغان، سەسكەندۈرىدىغان رەزىل، يارىماس:[مىسال:] غەزەپ بىلەن ھومىيىمەن قەبىھ زالىملارغا، كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبىي بالىلارغا.

قەبىھلەشتۈرمەك

  • قەبىھلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «قەبىھلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سىزنىڭ بۇنداق قىلىقلىرىڭىز ئۇلارنى تېخىمۇ قەبىھلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، دېدى قاسىم ئەپەندى ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلماي.

قەبىھلەشمەك

  • قەبىھلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارغانسېرى قەبىھ، رەزىل، پەس بولۇپ بارماق؛ ئەسكىلەشمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مۇشۇنداق قەبىھلىشىپ كەتكەن قاراملارنى قانداق قۇتقۇزۇش مۇمكىن

قەبىھلىك

  • قەبىھلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان، نەپرەتلەندۈرىدىغان ئىش، ھەرىكەت:[مىسال:] ئادەم ئۇرۇش، دەيتتى بىر ئوقۇتقۇچى، بولۇپمۇ، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى ئۇرۇشى تولىمۇ قەبىھلىك.

قەپەس

  • قەپەس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇش ياكى ھايۋانلارنى ساقلاش، بېقىش ئۈچۈن سىم ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن توقۇپ ياسىلىدىغان ساندۇق ياكى ئۆي شەكىللىك بۇيۇم:[مىسال:] ئۇ باينىڭ ئۆيىدە قەپەستىكى قۇشتەك يالغۇز قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم. ئەتراپى مۇشۇنداق شەكىلدە قورشالغان بوشلۇق:[مىسال:] كۆكرەك قەپىسى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قېتىم، مەيدان، نۆۋەت، رەت:[مىسال:] بىر قەپەس ئېلىشماق.

قەپەسئوت

  • قەپەسئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قەپەس+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قەپەسئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆپىنچە، تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

قەپەسسىمان

  • قەپەسسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى قەپەسكە ئوخشايدىغان، قەپەس شەكىللىك:[مىسال:] مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قەپەسسىمان بىرنەرسىنى كۆرگەنىدىم.

قەپىزەك

  • قەپىزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] مۇنارلارنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان گۈمبەزگە ئوخشاش شەكىل.

قەترە

  • قەترە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۇيۇقلۇق زەررىچىلىرىنىڭ تارتىشىش نەتىجىسىدە شارچە شەكلىنى ئالغان ئەڭ كىچىك بۆلىكى؛ تامچە:[مىسال:] بىر قەترە سۇ. ئەي تاغ سۈيى، ئاڭلا يېشىل زۇمرەت كەبى جىلۋىلىنىپ تۇرغان، ئەمما غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان سۈزۈك كۆلنىڭ سۈيى بولغۇچە، سېنىڭدەك مەڭگۈ ئويغاق ئۆتىدىغان، گۈركىرەپ، كۆپۈكلىنىپ ئاقىدىغان تاغ سۈيىگە قەترە بولۇپ قوشۇلغۇم بار... [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاز مىقدار، ئازغىنا، كىچىك بۆلەك ياكى ئۈلۈش:[مىسال:] بىزنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقلىرىمىزنىڭ قوشنىلارنىڭ يېرىدە چېچەك ئېچىپ، مېۋە بېرىشى يەنىلا بىزنىڭ دۆلەتكە قوشقان بىر قەترە تۆھپىمىز بولمامدۇ

قەتل

  • قەتل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلتۈرۈش، قىرغىن:[مىسال:] قەتل قىلماق. * ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى خام چوت ئاتا-بالىنى يولغا سېلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارغىيبۇلاق چۆللۈكىدە قەتل قىلىپ، گۈلزادە بىلەن ئانارگۈلنى تارتىۋېلىش ئىدى.

قەتلە

  • قەتلە[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] مەرتەم، قېتىم، نۆۋەت، رەت:[مىسال:] خۇداغا مىڭ قەتلە شۈكرى، دېدى ئۇ ئاخىر، ھەرنېمە بولسا بالام ئامان-ئېسەن كەلدى.

قەتلىئام

  • قەتلىئام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئومۇميۈزلۈك قىرىش، ئۆلتۈرۈش؛ قىرغىن، قىرغىنچىلىق:[مىسال:] قەتلىئام قىلماق. * ئاشۇ قەتلىئامنىڭ مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەنلەر ئۆزلىرىنى توختىتالماي بۇقۇلداپ يىغلامسىراشقا باشلىدى.

قەتئىي

  • قەتئىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزگەرمەيدىغان، بۇزۇلماس:[مىسال:] بىز ئۇنىڭغا يول قويالمايمىز، سىز يەتكۈزۈپ قويۇڭ. بۇ بىزنىڭ قەتئىي جاۋابىمىز. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قايتۇرۇشقا، رەت قىلىشقا بولمايدىغان ناھايىتى جىددىي:[مىسال:] بىزنىڭ قەتئىي تەلىپىمىز شۇكى، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئۇنىڭ مەسىلىسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىپ جامائەتكە ئېلان قىلسۇن [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇستەھكەم، قاتتىق:[مىسال:] توغرا گەپ، رايون ساقچىسى ئۇنىڭ قەتئىي ئىرادىسىدىن تەسىرلەندى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەل قىلغۇچ، كەسكىن:[مىسال:] قەتئىي كۈرەش. قەتئىي جەڭ. مەن ئۇنىڭ تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلدىم.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەستايىدىل ھەم جىددىي، كەسكىن قاتتىق:[مىسال:] مەن ئىدارىگە كېلىپ تېخى مۇنچىلىك قەتئىي ئادەمنى ئۇچراتمىغانىدىم. شۇڭا ئىلاجسىز تۇرۇپلا قالدىم.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەرگىز، ئەسلا، زادى، زادىلا:[مىسال:] ھەسەلخان توغرا ئېيتقان، ئۇلارنىڭ ئىش توختىتىش تەشەببۇسىنى قوللاشقا قەتئىي بولمايدۇ، بەلكى قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.⑦ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] چوقۇم، شەك-شۈبھىسىز:[مىسال:] مەن ھەممىنى ئويلىدىم، ئاخىرى مەن ئارتۇقچە بولۇپ قالغان بۇ ئۆيدىن قەتئىي كېتىش نىيىتىگە كەلدىم.

قەتئىيەت

  • قەتئىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆز سۆزىدە، پىكىر-قارارىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش؛ قەتئىيلىك، ئۈزۈل-كېسىللىك، كەسكىنلىك:[مىسال:] ياخشىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەزەلدىن، ئەل ئىچىدە قىلغان ئەمەس ھېچكىم رەت. تەڭرى ھۆكمى بار ئۇلارنىڭ پىكىرىدە، سۆزلىرىدە بولسا ئەقىل، قەتئىيەت.

قەتئىيەتسىز

  • قەتئىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆز سۆزىدە، پىكرىدە چىڭ تۇرالمايدىغان؛ قەتئىي ئەمەس، ئىرادىسىز:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇنداق قەتئىيەتسىز سۆزلىرى سورۇندىكىلەرنىڭ ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

قەتئىيەتسىزلىك

  • قەتئىيەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز سۆزىدە، پىكرىدە چىڭ تۇرالمايدىغان مىجەز، شۇنداق ئادەت؛ ئىرادىسىزلىك.

قەتئىيەتلىك

  • قەتئىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆز سۆزىدە، پىكرىدە چىڭ تۇرالايدىغان؛ ئىرادىلىك.

قەتئىيلەشتۈرمەك

  • قەتئىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «قەتئىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى قەتئىيلەشتۈردى.

قەتئىيلەشتۈرۈشمەك

  • قەتئىيلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «قەتئىيلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قەتئىيلەشتۈرۈلمەك

  • قەتئىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «قەتئىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قەتئىيلەشمەك

  • قەتئىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۈزۈل-كېسىل، قەتئىي تۈس ئالماق، قەتئىي ھالغا كەلمەك:[مىسال:] ئۆز ئاخىرەتلىكىنى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغانسېرى، ئۇنىڭ بۇ نىيىتى تېخىمۇ قەتئىيلەشتى.[يەشمىسى:] ② ئۆزگەرمەس، مۇستەھكەم ھالغا كەلمەك، مۇستەھكەملەنمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قارارى كۈندىن-كۈنگە قەتئىيلەشمەكتە ئىدى.

قەتئىيلىك

  • قەتئىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەتئىي ھالەت، ئۆزگەرمەسلىك، مۇستەھكەملىك:[مىسال:] شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پۈتۈن دۇنيا خەلقى قەتئىيلىك بىلەن كۈچلۈك كۈرەش ئېلىپ بارىدىغانلا بولسا، ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى كېچىكتۈرۈش ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس.

قەتئىينەزەر

  • قەتئىينەزەر[قۇرۇلمىسى:]]قەتئىي+نەزەر[[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] چىقىش كېلىشتە كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، ئۆزىدىن بۇرۇنقى سۆز ياكى جۈملىدە ئاڭلىشىلغان نەرسە ياكى ھەرىكەتكە توسقۇن بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا باغلىق ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ ھەم «... غا قارىماستىن»، «... غا قارىماي»، «... غا باغلانمىغان ھالدا» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ:[مىسال:] قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭ سېنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا كۆڭلۈم تارتمايدۇ.

قەد (قەددى)

  • قەد (قەددى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ بوي-بەستى؛ قامەت:[مىسال:] قەد كۆتۈرمەك. * ئابىدەمنىڭ كۆز ئالدىدا بۇغراجاننىڭ مىڭلاپ يىگىتكە بەرگۈسىز كېلىشكەن قەددى، مېھرىبان كۆزلىرى نامايان بولدى. * مەن ئۇنىڭ قەددىنىڭ سەل پۈكۈلۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

قەد كۆتۈرمەك

  • قەد كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] ① بوي سوزماق، ئۆسمەك، ئېگىزلىمەك:[مىسال:] ئەجەب چوڭ ئىمارەتلەرغۇ بۇ، دېدى تېرىقچى دەريانىڭ ئۇ يېقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۈچ بىنانى كۆرسىتىپ.[يەشمىسى:] ② يۈكسەلمەك، ئوڭشالماق، تەرەققىي قىلماق:[مىسال:] سىلەرنىڭ كەنت بۇ يىل قەد كۆتۈرۈپ قالدى، دېدى سادىق سەل ئويلىنىۋېلىپ.[يەشمىسى:] ③ پەيدا بولماق، بىنا بولماق؛ قۇرۇلماق:[مىسال:] بۇ ئۇزۇن ئۆستەڭ قاشلىرى ئالتۇنچىلارنىڭ قان ۋە ئۇستىخانلىرى بەدىلىگە قەد كۆتۈرگەنىدى.

قەدەر

  • قەدەر[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بېرىش كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەرگە تىركىلىپ كېلىپ، «-غىچە، -قىچە، -گىچە، -كىچە» قوشۇمچىلىرىغا ئوخشاش چەك مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئېيتقىنا، دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ بىرەر ناخشا ئېيتىپ باققانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭ[يەشمىسى:] ② كۆپىنچە «بۇ، شۇ» قاتارلىق كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ «دەرىجىدە، كەبى، ... گە ئوخشاش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن ئىشىنىمەن، بىزنىڭ سۆيگۈمىز ئېقىۋاتقان شاۋقۇنلۇق دەرياغا ئوخشاش شۇ قەدەر سۈپسۈزۈك، شۇ قەدەر ئۇزۇن، ئۇنى ھېچكىم توسۇۋالالمايدۇ.

قەدەم

  • قەدەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاياغ تاشلاپ قىلىنغان ھەربىر ھەرىكەت، چامدام، ماڭدام:[مىسال:] ئۇ خىيالچان كېتىۋاتقان دىلبەرنى كۆردى-دە، قەدەملىرىنى تېزلەتتى.[يەشمىسى:] ② ئىككى ئاياغ ئارىسىدىكى ئارىلىق، مۇساپە؛ ئارىلىققا (مۇساپىگە) تەڭ بولغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى:[مىسال:] جىگدىلىكتىن دەسلەپ ئەيسا پاششاپ، ئارقىدىن 20 قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇپ يىپەك سەللىلىك ئادەم چىقتى.[يەشمىسى:] ③ ئۆسۈش، راۋاجلىنىش، ھەرىكەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تېزلىكى، سۈرئەت:[مىسال:] سىز يەنە ھازىرقى قەدىمىڭىز بىلەن ماڭسىڭىز، 10 20 يىلدىن كېيىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلمىي خادىم بولۇپ چىقالايسىز.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆسۈش، راۋاجلىنىش، ھەرىكەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر بۆلىكى؛ باسقۇچ:[مىسال:] ئۇلار زىيان تارتىش ھالىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگەرتتى.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۈرۈش، ھەرىكەت:[مىسال:] «ھە، ئۈرۈمچى ۋاقتى...» ئۇ بۇ يېقىملىق سۆزنى يۈرىكىدە قايتا-قايتا تەكرارلاپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز قەدىمىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ۋاقتى بىلەن بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئويلىغان.

قەدەم تەشرىپ قىلماق

  • قەدەم تەشرىپ قىلماق[يەشمىسى:] «بارماق، كەلمەك، كىرمەك، قاتناشماق، داخىل بولماق» مەنىلىرىدىكى تەكەللۇپ ئىبارىسى:[مىسال:] قېنى ئۆيىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ، دېدى نۇرۇللا.

قەدەمدە

  • قەدەمدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پات-پاتلا، ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا:[مىسال:] مۇنداق ئىشلار بىزگە قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بىز دائىم ھوشيارلىقىمىزنى ساقلىمىساق بولمايدۇ.

قەدەمدە بىر

  • قەدەمدە بىر[يەشمىسى:] پات-پاتلا، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ياكى ئارىلىق ئىچىدە:[مىسال:] بۇ دۇنيادا كىشىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.

قەدەمگاھ

  • قەدەمگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىلەر بېرىپ تۇرىدىغان ئەزىز جاي:[مىسال:] بەشكىرەمنىڭ ئانارى تاتلىق، ئانار يۈزلۈك باغۋىنى داڭلىق. شۇ ئانارنى ئۆستۈرگەنلەرنىڭ، قەدەمگاھى بولغاي بوستانلىق.

قەدەملەپ

  • قەدەملەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قەدەم بىلەن، قەدەم ئېلىپ:[مىسال:] قەدەملەپ مارش.

قەدەملەتمەك

  • قەدەملەتمەك[يەشمىسى:] «قەدەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قەدەملەشمەك

  • قەدەملەشمەك[يەشمىسى:] «قەدەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قەدەملىك

  • قەدەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەدەم كېلىدىغان، قەدەمگە تەڭ (ئارىلىق، مۇساپە ھەققىدە):[مىسال:] دۈشمەنلەر قىيان ئازگىلىغا 200 300 قەدەملىك مۇساپە ئارىلىقى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل يېقىنلاپ كەلدى.

قەدەملىمەك

  • قەدەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قەدەم تاشلاپ ماڭماق:[مىسال:] ئۇ چوڭ-چوڭ قەدەملەپ ئۆيدىن چىقتى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ئارىلىق ياكى ئۇزۇنلۇقنى قەدەم ئارقىلىق (قەدەمنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ) ئۆلچىمەك:[مىسال:] سەمەت قەدەملەپ كۆرۈۋېدى، بېشىدىن ئايىغىغىچە 50 قەدەم كەلدى.

قەدەممۇقەدەم

  • قەدەممۇقەدەم[يەشمىسى:] ① ئىزمۇئىز، كەينىدىن قالماي؛ سوڭدىشىپ:[مىسال:] ھاپىز قەدەممۇقەدەم تاپ بېسىپ كېلىۋاتقان سىيىت ھاجىدىن قورقۇپ راستىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى.[يەشمىسى:] ② ئاستا-ئاستا، بىر-بىرلەپ، دەرىجىمۇدەرىجە:[مىسال:] سەن كۆزلىگەن مەقسەتلىرىڭگە قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىۋاتىسەن.

قەدەھ

  • قەدەھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەي قۇيۇپ ئىچىلىدىغان قاچا، جام، رومكا.

قەددى-قامەت

  • قەددى-قامەت[يەشمىسى:] بوي-بەست، قامەت:[مىسال:] قەددى-قامىتى كېلىشكەن يىگىت.

قەددى-قامەتلىك

  • قەددى-قامەتلىك[يەشمىسى:] قەددى-قامىتى كېلىشكەن، قامەتلىك:[مىسال:] مۇدىر ئېگىز بوي، خۇش چىراي، قەددى-قامەتلىك ئادەم ئىدى.

قەدىر

  • قەدىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەر ئارىسىدا ئېرىشىلگەن ئابرۇي، ھۆرمەت؛ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورۇن، نوپۇز:[مىسال:] سۆزى توغرىنىڭ قەدرى ئارتۇق بولار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەھمىيەت، قىممەت:[مىسال:] ئالتۇن قەدرىنى زەرگەر بىلەر (ماقال). * ئىشلىگەننىڭ قەدرىنى بىلىدىغان زامان ئەمدى كېلىۋاتىدۇ.

قەدىر كېچىسى

  • قەدىر كېچىسى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] رامىزان ئېيىنىڭ 27-كېچىسى. رىۋايەتلەردە ئاللا «قۇرئان»نى مۇشۇ كېچىدە نازىل قىلغان دېيىلىدۇ.

قەدىردان

  • قەدىردان[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەزىز، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك؛ مۇقەددەس، جانىجان:[مىسال:] تاجىخان بېلىگىچە لايغا كۆمۈلۈپ، تۇرغان بۇ ئېچىنىشلىق گەۋدىنىڭ ئۆزىنىڭ قەدىردان ھەمراھى قاسىم ئىكەنلىكىنى ئەمدى تونۇغانىدى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

قەدىردانلارچە

  • قەدىردانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قەدىردان دوستلاردەك، ناھايىتى يېقىن دوستلارغا ئوخشاش:[مىسال:] بىز قەدىردانلارچە كۆرۈشتۇق. ئۇنىڭ تۇرۇقىدىن ھېچبىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى.

قەدىردانلىق

  • قەدىردانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىنچىلىق، يېقىن دوستلۇق، ئىناقلىق:[مىسال:] سىز ئالىيجانابسىز. كونا قەدىردانلىق ھۆرمىتىگە، كۆڭۈل ئۈچۈن كۈلۈپ باقارسىز... ھېچ بولمىسا شۇنىڭ بىلەنمۇ تەلەيسىزنى بەختلىك قىلارسىز

قەدىرسىز

  • قەدىرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھۆرمىتى، ئابرۇي-ئىناۋىتى يوق؛ ھېچكىم ھۆرمەت قىلمايدىغان:[مىسال:] -سەندەك قەدىرسىز لالمىدىن مىڭنى قوشساق، بىر ئوغلۇمغا تەڭ بولالمايدۇ، ئىپلاس دېدى بوۋاي.[يەشمىسى:] ② ھېچبىر ئەھمىيىتى، قىممىتى، قەدرى يوق، ھېچنېمىگە يارىمايدىغان، كېرەكسىز:[مىسال:] مېنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان كۈنلىرىم قەدىرسىز غازاڭدەك كېتىۋەردى.

قەدىرسىزلەنمەك

  • قەدىرسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قەدىر-قىممىتى، ئىززەت-ھۆرمىتى، ئەھمىيىتى يوقالماق:[مىسال:] ئوغلۇم، دېدى بوۋاي، ھۆرمەتكە ھۆرمەت قىلىش كېرەك، ئەمدى ساڭا قەدىرسىزلەنگەن بولسا، بىزنىڭ قېشىمىزدا ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتى يۇقىرى.

قەدىرسىزلىك

  • قەدىرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەدىرسىز ھالەت؛ خارلىق.

قەدىر-قىممەت

  • قەدىر-قىممەت[يەشمىسى:] قەدىر ۋە قىممەت، ئابرۇي-ئىناۋەت:[مىسال:] مەن ئۆز قەدىر-قىممىتىمنى پۇل بىلەن ئۆلچىمەيمەن.

قەدىرلەشمەك

  • قەدىرلەشمەك[يەشمىسى:] «قەدىرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قەدىرلەنمەك

  • قەدىرلەنمەك[يەشمىسى:] «قەدىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قەدىرلىك

  • قەدىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان، ھۆرمەتلىك، ئابرۇي-ئىناۋەتلىك، ئەزىز، مۆھتەرەم، ئەڭ يېقىن:[مىسال:] قىز قەدىرلىك كىشىسىدىن ئايرىلىپ، زار-زار يىغلىغىنىچە شاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە مېڭىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەھمىيىتى، قىممىتى، نەرخى يۇقىرى، قىممىتىنى يوقاتمىغان؛ ئەھمىيەتلىك، مۇھىم قىممەتلىك:[مىسال:] ئالتۇن چىققان يېرىدە قەدىرلىكتۇر (ماقال).[يەشمىسى:] ③ بىرىنچى شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ «جېنىم، سۆيگۈنۈم» دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئاسمان-زېمىن بەرگىن جاۋاب، قېنى مېنىڭ قەدىرلىكىم

قەدىرلىمەك

  • قەدىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھۆرمىتىنى، ئىززىتىنى قىلماق؛ ھۆرمەتلىمەك:[مىسال:] زەينەپ مېنى ياخشى كۆرەتتى، قەدىرلەيتتى.[يەشمىسى:] ② ئەھمىيىتى، قىممىتىنى، چۈشەنمەك؛ مۇھىم، پايدىلىق، ئەھمىيەتلىك دەپ بىلمەك:[مىسال:] ۋاقىتنى قەدىرلىمەك.

قەدىم

  • قەدىم[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇزاق ئۆتمۈش، ئىلگىرىكى زامان، بۇرۇنقى دەۋر، بۇرۇن، ئىلگىرى:[مىسال:] ئۇيغۇرلار قەدىمدە تۇتىمىزمغا ئىشىنەتتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى ئىلگىرىكى، ئۇزاق تارىخى بار؛ كونا، بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت، قەدىمىي:[مىسال:] قەدىم يول.

قەدىمچە

  • قەدىمچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەدىمدە قانداق بولسا شۇنداق؛ كونىچە، ئىلگىرىكىدەك:[مىسال:] قەدىمچە چېلىشىش.

قەدىمدىن

  • قەدىمدىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۇرۇندىن، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن، قەدىمكى زامانلاردىن:[مىسال:] بۇ قەدىمدىن تارتىپ بار ئىش.

قەدىمكى

  • قەدىمكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇزاق ئۆتمۈشتە مەيدانغا كەلگەن، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن قېلىپ قالغان، ئۇزاق ئۆتمۈشكە ئائىت، قەدىمىي؛ كونا:[مىسال:] قەدىمكى يېزىق.

قەدىمىي

  • قەدىمىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «قەدىمكى»گە قاراڭ.

قەدىمىيلىك

  • قەدىمىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونىلىق.

قەدىناس

  • قەدىناس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەڭ يېقىن، ئۇزاق ۋاقىت بىر-بىرىدىن ئايرىلمىغان؛ قەدىرلىك، سۆيۈملۈك:[مىسال:] قەدىناس دوست. ∥ قەدىناس بولۇشۇپ قالماق.

قەدىناسلىق

  • قەدىناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىن ھەم قەدىردانلارچە مۇناسىۋەت:[مىسال:] قەدىناسلىق ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ-دە، دېدى ئۇ كۈلۈپ.

قەر (قەرى)

  • قەر (قەرى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم جاينىڭ ئەڭ يۇقىرى ياكى ئەڭ تۆۋەن ۋە ياكى ئەڭ چوڭقۇر جايى:[مىسال:] ئاسماننىڭ قەرى. دېڭىزنىڭ قەرى.

قەرەل

  • قەرەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم ئىش-پائالىيەت ئۈچۈن بەلگىلەپ قويۇلغان ۋاقىت، ۋاقىت چېكى، مۇددەت:[مىسال:] قەرەلى توشماق.

قەرەلسىز

  • قەرەلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەرەلى، ۋاقىت چېكى بەلگىلەنمىگەن؛ بېكىتىلگەن ۋاقىت چېكى يوق، مۇددەتسىز:[مىسال:] قەرەلسىز پۇل ئامانەت. ∥ ئەسقەرنىڭ توي ئىشى قەرەلسىز سوزۇلدى.

قەرەللىك

  • قەرەللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەرەلى، بەلگىلىك ۋاقىت چېكى بار، ۋاقىت چېكى بەلگىلەنگەن، مۇددەتلىك:[مىسال:] قەرەللىك ژۇرنال. ∥ قەرەللىك تەكشۈرمەك.

قەرز

  • قەرز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلىدىغان ياكى ئېلىنىدىغان پۇل، بۇيۇم ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] قەرز ئالماق. قەرز بەرمەك. قەرز تۆلىمەك. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زىممىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت، بۇرچ:[مىسال:] ئاتىلىق قەرزىنى ئادا قىلماق.

قەرزدار

  • قەرزدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارغا قەرزى بار، قەرز تۆلەيدىغان كىشى:[مىسال:] پادىشاھ قەرزدار بولسا، ئەرزىڭنى خۇدا ئاڭلىسۇن (ماقال). [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ياخشىلىق ۋە ياردىمىدىن مىننەتدار، خۇرسەن بولغان كىشى:[مىسال:] ئانامغا تۈگەتكۈسىز قەرزدارمەن.

قەرزدارلىق

  • قەرزدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەرزدار بولۇش:[مىسال:] كىچىك ئاخۇن قەرزدارلىقتىن ئىزا تارتقاندەك قىزىرىپ كەتتى.

قەرنە

  • قەرنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى، تەخمىنەن 33 يىلغا باراۋەر كېلىدۇ.

قەسەم

  • قەسەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>[[يەشمىسى:] ① دىن<[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ قىلغان گەپ-سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەقلىقى، راستلىقى، توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇقەددەس نەرسىلەر، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ياكى يالغانلىقى ئىسپاتلانسا جازاغا رازى بولۇپ ئېيتىلغان سۆز، بېرىلگەن ۋەدە؛ ئانت:[مىسال:] قەسەم قىلدۇرماق.[يەشمىسى:] ② قىلغان سۆزىگە سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە رەسمىي ھالدا ئېيتىلغان تەنتەنىلىك سۆز، قەتئىي ۋەدە:[مىسال:] قەسەم بەرمەك.

قەسەمخور

  • قەسەمخور[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] كەلسە-كەلمەس قەسەم قىلىۋېرىدىغان، ئەمما دائىم قەسىمىدىن يېنىۋالىدىغان ياكى بەرگەن قەسىمىگە ئەمەل قىلمايدىغان:[مىسال:] ئۇ ئىنتايىن قەسەمخور ئادەم بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالغانىدى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق ئادەم:[مىسال:] قەسەمخورنىڭ ئۆمرى قىسقا (ماقال).

قەسەمخورلۇق

  • قەسەمخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەلسە-كەلمەس قەسەم قىلىۋېرىدىغان ھەم دائىم قىلغان قەسەملىرىدىن يېنىۋالىدىغان يارىماس قىلىق:[مىسال:] كاززاپلىقنىڭ نىقابى قەسەمخورلۇق.

قەسەمنامە

  • قەسەمنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قەسەم سۆزى يېزىلغان قەغەز، ھۆججەت:[مىسال:] قەسەمنامە ئوقۇماق.

قەسەمياد

  • قەسەمياد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆز دېگەنلىرىگە قەتئىي سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ۋەدە، قەسەم؛ ئانت:[مىسال:] قەسەمياد قىلماق.

قەست

  • قەست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەقسەت، نىيەت، غەرەز:[مىسال:] جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا (ماقال).[يەشمىسى:] ② باشقىلارغا زىيان سېلىش، زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلغان يامان غەرەز، يامان نىيەت، سۇيىقەست:[مىسال:] ساۋۇت بەگنىڭ خانلىقنى ئاغدۇرۇش قەستى يوقىتىلدى.[يەشمىسى:] ③ خۇراپىي چۈشەنچە بويىچە ھەرخىل دۇئالارنى ئوقۇش ئارقىلىق بىراۋغا قىلىنغان زىيانكەشلىك، سۇيىقەست:[مىسال:] قەست ياندۇرماق.

قەستەن

  • قەستەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر مەقسەت بىلەن، ئەتەي، ئەتەيلەپ، غەرەزلىك ھالدا:[مىسال:] قەستەن ئۇرۇشماق.

قەستەنلىك

  • قەستەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] غەرەزلىك، مەقسەتلىك ھالدا قىلىنغان ئىش:[مىسال:] ئۇنىڭ قىلغىنى قەستەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

قەستلەشمەك

  • قەستلەشمەك[يەشمىسى:] ① «قەستلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② قارشىلاشماق، دۈشمەنلەشمەك:[مىسال:] چىمەنلىكتە بۇلبۇل بىلەن قەستلەشكەندەك، خۇش غەزەلخان شېرىن سۆزلۈك ئۇيغۇر قىزى.

قەستلەنمەك

  • قەستلەنمەك[يەشمىسى:] «قەستلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قەستلىك

  • قەستلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇيىقەست ۋە يامان غەرەز ئارىلاشقان، غەرەزلىك.

قەستلىمەك

  • قەستلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نىيەت قىلماق، مەقسەت قىلماق؛ كۆڭلىگە پۈكمەك، پىلانلىماق (يامان ئىش-ھەرىكەتلەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۇلار ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ۋەقە پەيدا قىلىشنى قەستلىگەن.[يەشمىسى:] ② قەست قىلماق؛ يامان غەرەز، يامان مەقسەتتە ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] دۈشمەن قەستلەر، دوست قۇتۇلدۇرار (ماقال).

قەسىدە

  • قەسىدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] مەدھىيە، مەرسىيە ياكى دىداكتىك مەزمۇندىكى شېئىرىي ژانىر ۋە شۇ ژانىرغا مەنسۇپ شېئىرنىڭ ئۆزى.

قەسىدىچى

  • قەسىدىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەسىدە يازغۇچى.

قەسىدىچىلىك

  • قەسىدىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەسىدە يېزىش پائالىيىتى، كەسپى:[مىسال:] قەسىدىچىلىك ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە تەرەققى قىلغانىدى.

قەسىدىخان

  • قەسىدىخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «قەسىدىچى»غا قاراڭ.

قەسىدىخانلىق

  • قەسىدىخانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەسىدىچىلىك.

قەسىر

  • قەسىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پادىشاھلار، خانلار ياكى فېئوداللارنىڭ ھەشەمەتلىك سارىيى.[يەشمىسى:] ② قەلئە، قورغان.[يەشمىسى:] ③ ئومۇمەن ھەشەمەتلىك ساراي، كاتتا ئۆي، بىنا:[مىسال:] ۋەلى باپكار دىۋە قەسىرىگە قاراپ مېڭىپتۇ.

قەغەز

  • قەغەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① خەت يېزىش ۋە رەسىم سىزىش، كىتاب، ژۇرنال، گېزىت قاتارلىقلارنى بېسىش ۋە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال. ئۇ كۆپىنچە، ئۆسۈملۈك تالالىرىدىن ياسىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رەسمىي ھۆججەت، ئىسپات، تونۇشتۇرۇش:[مىسال:] چاقىرىق قەغىزى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، 10 ياكى 100 يۈەنلىك پۈتۈن پۇلنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەتىگەندىن بېرى 35 قەغەزگە بەرمىدىم، شۇنىڭغا قاراپ بىرنېمە دېمەمسىز، دېدى مال ئىگىسى.

قەغەزچىلىك

  • قەغەزچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەغەز ياساش ئىشى، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ياكى سانائىتى.

قەغەز-قەلەم

  • قەغەز-قەلەم[يەشمىسى:] قەغەز ۋە قەلەم، قەغەز قاتارلىق خەت يېزىشقا كېرەكلىك نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇ خەتنى يېزىپ بولۇپلا، قەغەز-قەلەملىرىنى جاي-جايىدا رەتلىك قويۇپ ئورنىدىن تۇردى.

قەغەزۋاز

  • قەغەزۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەمەلىي ئىش قىلماي، ئەھمىيەتسىز قارار، ھۆججەتلەرنى چىقىرىش بىلەن ئاۋارە بولىدىغان كىشى؛ بيۇروكرات:[مىسال:] قەغەزۋازلار رەھبەرلىك ئورنىدىن چەتلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.

قەغەزۋازلىق

  • قەغەزۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلىي ئىش قىلماي ئەھمىيەتسىز قارار، ھۆججەتلەرنى يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىش:[مىسال:] قەغەزۋازلىق ئىدىيىسى.

قەقنۇس

  • قەقنۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چۆچەكلەردە سۆزلىنىدىغان بىر خىل يوغان قارا قۇش.

قەلئە

  • قەلئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۈشمەن ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سېپىل ۋە خەندەكلەر بىلەن ئورالغان قورغان؛ شەھەر.

قەلەم

  • قەلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خەت يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قېرىنداش، گاڭبى، ماي قەلەم قاتارلىق ئەسۋابلارنىڭ ئومۇمىي نامى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پىكىرنى يازما ئىپادىلەش، يازما ئەسەر يېزىش ۋە بۇ جەھەتتىكى ماھارەت، قابىلىيەت:[مىسال:] قانچە كۆپ كىتاب ئوقۇساڭ، قەلىمىڭ شۇنچە راۋان بولىدۇ. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خەت شەكلى، پوچېركا:[مىسال:] بۇ قەغەزگە يېزىلغىنى ئەيسانىڭ قەلىمى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] قاشنى قارا ھەم چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن قاشقا سۈرتىلىدىغان، ئىچىدە قارا ماددىسى بار قەلەم شەكىللىك ئەسۋاب:[مىسال:] قاش قەلىمى.⑤ [يەشمىسى:] تۆمۈر، تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق ماددىلارنى ئويۇش، كېسىش، تەكشىلەش، نەقىش چىقىرىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن گاڭدىن ياسالغان ئەسۋاب:[مىسال:] تاشچى يىگىت تاش كېسىدىغان قەلەم قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئېلىپ تاغقا مېڭىپتۇ.

قەلەم ئەھلى

  • قەلەم ئەھلى[يەشمىسى:] يازغۇچى-شائىرلار، ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، قەلەمكەشلەر:[مىسال:] قانائەتلەنمىگەن ياخشى ئىش، بولۇپمۇ قەلەم ئەھلىگە، دېدى باشلىق.

قەلەمپۇر

  • قەلەمپۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن، سوقىچاق، مېۋىسى ئۇزۇن، شار شەكلىدە. تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. گۈلى دورا بولىدۇ. ئاشقازاننى كۈچەيتىش، يەل ھەيدەش رولىغا ئىگە. ئۇرۇقىدىن قەلەمپۇر يېغى ئېلىنىدۇ. ئادەتتە ئاروماتىك دورا (پۇراق دورىلىرى) ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

قەلەمتىراچ

  • قەلەمتىراچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تىغ ۋە دەستىسى نىسبەتەن قىسقا، تىغىنى دەستە ئىچىگە قايرىپ يېپىپ قويغىلى ھەم ئاچقىلى بولىدىغان بىر خىل پىچاق.

قەلەمچە

  • قەلەمچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆسۈملۈك شېخىدىن تەييارلانغان، قومۇش قەلەم شەكلىدە كېسىلگەن قىسقا تاياقچە.[يەشمىسى:] ② سەۋزە قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇن، ئىنچىكە قىلىپ توغرالغان ھەربىر تېلى:[مىسال:] ئۇلار سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ بولغانىدى.

قەلەمدار

  • قەلەمدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] كونا بەگلىكلەردىكى مەمۇرىي ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا بەلگىلەنگەن كىشى، مەمۇرىي ئەمەلدار.

قەلەمداش

  • قەلەمداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

قەلەمداشلىق

  • قەلەمداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېزىقچىلىق ساھەسىدىكى كەسىپداشلىق:[مىسال:] ھېچبولمىغاندا قەلەمداشلىقىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىساق بولماس.

قەلەمدان

  • قەلەمدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئومۇمەن قەلەم تۈرىگە كىرىدىغان يېزىش ئەسۋابلىرىنى سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كىچىك قۇتا، قەلەم سالغۇچ.

قەلەمكەش

  • قەلەمكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] يازغۇچى-شائىر، ژۇرنالىست، ئاخباراتچى شۇنداقلا تەرجىمان، قاتارلىق قەلەم بىلەن خىزمەت قىلغۇچى خادىملار:[مىسال:] سىلەردەك قەلەمكەشلەرنىڭ بۇنداق چەت يېزىمىزغا كېلىشى ئاسان ئەمەس، دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

قەلەمكەشلىك

  • قەلەمكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېزىقچىلىق.

قەلەملىك

  • قەلەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەلىمى بار، قەلەم تۇتقان:[مىسال:] قەلەملىك قولۇم غەزەپتىن تىترەپ، ئەلەملىك باغرىم ھەسرەت ھارارىتىدە كۆيۈۋاتىدۇ.

قەلەندەر

  • قەلەندەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دىنى غەزەللەرنى ئوقۇپ يۇرتمۇيۇرت كېزىپ تىلەمچىلىك قىلىپ جان باقىدىغان كىشى؛ تىلەمچى، دىۋانە.

قەلەندەرچە

  • قەلەندەرچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەلەندەردەك، قەلەندەرگە ئوخشاش:[مىسال:] ئۇ قەلەندەرچە كىيىم كىيىپ، يېرىم كېچىدە ھۆسنىئاباد يولىغا ئاتلاندى.

قەلەندەرچىلىك

  • قەلەندەرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇرتمۇيۇرت يۈرۈپ، تىلەمچىلىك بىلەن جان بېقىش ئىشى، دىۋانىلىك:[مىسال:] قەلەندەرچىلىك قىلماق.

قەلەندەرخانا

  • قەلەندەرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قەلەندەرلەر يىغىلىدىغان ۋە تۇرىدىغان ياكى ياتىدىغان جاي:[مىسال:] ئۇ كۈننىڭ كەچ بولغانلىقىنى پەملەپ، ئاستا-ئاستا قەلەندەرخانىغا قاراپ يول ئالدى.

قەلەندەرلەرچە

  • قەلەندەرلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قەلەندەرلەردەك، قەلەندەرلەرگە ئوخشاش:[مىسال:] ئۇنىڭ قەلەندەرلەرچە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشى ئۆيدىكىلىرىنى جاق تويغۇزدى.

قەلەندەرلىك

  • قەلەندەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇرتمۇيۇرت يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن جان باقىدىغان ئادەت، ئىش، قىلىق:[مىسال:] قەلەندەرلىك قىلماق.

قەلەي

  • قەلەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى.(stannum)Sn ساپلىرى كۈمۈشتەك ئاق، سوزۇلۇشچانلىقى ياخشى بولىدۇ. ھاۋادا ئوڭايلىقچە ئوكسىدلانمايدۇ. ئادەتتە تۆمۈرگە ھەل بېرىش، مېتاللارنى پاياتلاش ياكى قېتىشما تەييارلاشتا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② مىستىن ياسالغان قاچىلارنىڭ ئىچكى يۈزىگە قاپلانغان شۇ خىل مېتال قاتلىمى. [يەشمىسى:] ③ ئاق تۈنىكە، قاڭالتىر.

قەلەيچى

  • قەلەيچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نېپىز تاختا تۆمۈر، قەلەي، قاڭالتىر قاتارلىقلاردىن تۈرلۈك ئەسۋاب، سايمان، قاچىلارنى ياسايدىغان ياكى رېمونت قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ كىشى خېلىلا ئۇستا قەلەيچى ئىكەن. ∥ قەلەيچى بوۋاي بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا مىختەك قادالدى.

قەلەيچىلىك

  • قەلەيچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نېپىز تاختا تۆمۈر، قەلەي قاتارلىقلاردىن تۈرلۈك ئەسۋاب، سايمانلارنى ياساش ياكى رېمونت قىلىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] قەلەيچىلىك دۇكىنى.

قەلەيلەتمەك

  • قەلەيلەتمەك[يەشمىسى:] «قەلەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قەلەيلەشمەك

  • قەلەيلەشمەك[يەشمىسى:] «قەلەيلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قەلەيلەنمەك

  • قەلەيلەنمەك[يەشمىسى:] «قەلەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قەلەيلىك

  • قەلەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە قەلەي بار، تەركىبىدە قەلەي بولغان.

قەلەيلىمەك

  • قەلەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ يۈز قىسمىغا نېپىز بىر قەۋەت قەلەي ئېرىتمىسى يالاتماق، قەلەي ئېرىتمىسى بىلەن ھەل بەرمەك:[مىسال:] مىس قاچىنى قەلەيلىمەك.[يەشمىسى:] ② تېشىلگەن يېرىنى قەلەي ئېرىتمىسى بىلەن ئەتمەك، يەملىمەك:[مىسال:] چېلەكنىڭ تۈۋىنى قەلەيلىمەك.

قەلب

  • قەلب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يۈرەك، دىل:[مىسال:] قەلبىگە پۈكمەك. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئىچكى روھىي دۇنياسى، ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرى، پىكىر-قاراشلىرى مەركەزلەشكەن جاي، دىل، كۆڭۈل:[مىسال:] قەلبىگە پۈكمەك. قەلبى قارا.

قەلبەن

  • قەلبەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چىن يۈرەكتىن، قەلبدىن، چىن دىلى بىلەن:[مىسال:] بىراۋلار تەن بېرىپ تەقدىرگە قەلبەن، دۇئالار ئاتىدى مەرھۇمغا شەخسەن.

قەلبداش

  • قەلبداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۈتكۈل دۇنيا قارىشى، ئىستەك-ئارزۇسى، غايىسى، نىيەت-مەقسىتى بىردەك بولغان كىشى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇ دېھقانلار بىلەن قەلبداش.

قەلبداشلىق

  • قەلبداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۇنيا قاراش، ھېس-تۇيغۇ، پىكىر-مەقسەت، غايە-ئىستەك ۋە شۇ قاتارلىقلاردا بىردەكلىك، ئوخشاشلىق:[مىسال:] قەلبداشلىقىنى بىلدۈرمەك.

قەلبگاھ

  • قەلبگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] يۈرەك ئورۇنلاشقان جاي؛ ئىچكى دۇنيا:[مىسال:] قالدى ھۆر-پەرىشتىلەرنىڭ مېھنىتى، قەلبگاھىمدا يورۇق چولپان بولۇپ.

قەلقە

  • قەلقە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شالاڭ، بوش.

قەللاب

  • قەللاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئالدامچى، ھېيلىگەر؛ سۇيىقەستچى، نەيرەڭۋاز ئادەم.

قەللابلىق

  • قەللابلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدامچىلىق، ھېيلىگەرلىك:[مىسال:] قەللابلىق قىلماق.

قەللە

  • قەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەلەي بىلەن ئاليۇمىننىڭ قېتىشمىسى. ئېرىش نۇقتىسى سەل تۆۋەن بولىدۇ. كۆپىنچە تۆمۈر، مىس قاتارلىقلاردىن ياسالغان ئەسۋابلارنى پاياتلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

قەلىمىي

  • قەلىمىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەلەمنى ئاساسىي خىزمەت ۋاسىتىسى قىلىدىغان؛ قەلەم بىلەن قىلىنىدىغان:[مىسال:] ئۇ قەلىمىي ئادەم بولغاچقا، يول مېڭىشقا چىدىمايتتى.

قەلىيە

  • قەلىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆكتات بىلەن گۆشتىن قورۇلغان قورۇما؛ سەي.

قەمەر

  • قەمەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاي:[مىسال:] ئۇ گويا كەڭ چوققىلارنىڭ بەلۋېغى — ئالتۇن كەمەر، كۈندۈزى سەيلە قىلار كۈن، كېچىسى بۇندا قەمەر.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

قەمەرىيە

  • قەمەرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] «دېھقانلار كالېندارى»غا قاراڭ.

قەنت

  • قەنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ساپ شېكەردىن چاقماق ياكى كۇب شەكىلدە قاتۇرۇپ تەييارلانغان تەمى تاتلىق، شېرىن مەھسۇلات.

قەنتدان

  • قەنتدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئائىلىلەردە قەنت سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاچا، قەنت قاچىسى.

قەنت-گېزەك

  • قەنت-گېزەك[يەشمىسى:] قەنت ۋە شۇ خىلدىكى تۈرلۈك تاتلىق-تۇرۇملار.

قەنت-ناۋات

  • قەنت-ناۋات[يەشمىسى:] قەنت ۋە ناۋات:[مىسال:] يىغلىماڭ قىز، يىغلىماڭ، ئەتە كېلەرمىز، ئالتە بولاق قەنت-ناۋات ئالغاچ كېلەرمىز.

قەندالەت

  • قەندالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك قەنت-گېزەك قاتارلىق تاتلىق-تۇرۇملار.

قەندالەتچى

  • قەندالەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك قەنت-گېزەك، كەمپۈت، پېچىنە قاتارلىق تاتلىق-تۇرۇملارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئۇنى بازارغا سېلىپ ساتقۇچى كىشى.

قەندالەتچىلىك

  • قەندالەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك قەنت-گېزەك قاتارلىق تاتلىق-تۇرۇملارنى ياساش، سېتىش كەسپى.

قەندىل

  • قەندىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بىرنەچچە تال شام ئورنىتىلغان ئاسما شامدان ياكى بىرقانچە لامپۇچكا ئورنىتىلغان ئاسما چىراغ.

قەندىلچى

  • قەندىلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قەندىل ياسىغۇچى [يەشمىسى:] ② قەندىلدىكى شاملارغا ئوت ياققۇچى.

قەندىلچىلىك

  • قەندىلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەندىل ياساش، قەندىلدىكى شامغا ئوت يېقىش ئىشى.

قەھەت

  • قەھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «قەھەتچىلىك»كە قاراڭ.

قەھەتچىلىك

  • قەھەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇش، تەبىئىي ئاپەت ياكى زىرائەتتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىنمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر نەتىجىسىدە ھەممە نەرسە كەمچىل ۋە قىممەت بولۇپ قالغان پەيت؛ ئاچارچىلىق:[مىسال:] قەھەتچىلىك يىلى.

قەھر

  • قەھر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاچچىق، غەزەپ:[مىسال:] قەھر قىلماق.

قەھر-زەھىرى

  • قەھر-زەھىرى[يەشمىسى:] غەزەپ-نەپرىتى، غەزەپ-ئاچچىقى:[مىسال:] قەھر-زەھىرىنى چاچماق.

قەھر-غەزەپ

  • قەھر-غەزەپ[يەشمىسى:] قەھر ۋە غەزەپ:[مىسال:] گۈلنارخان قەھر-غەزەپ بىلەن باينىڭ باشمالتىقىنى قاتتىق چىشلەپ ئۈزۈۋالدى.

قەھرلەنمەك

  • قەھرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غەزەپلەنمەك، ئاچچىقلانماق:[مىسال:] ئۇ مۇھەممەدكە قەھرلەنگەن ھالدا ۋارقىرىدى.

قەھرلىك

  • قەھرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتتىق غەزەپكە تولغان:[مىسال:] ئۇنىڭ مېڭىسىگە نۇرغۇنلىغان قايغۇلۇق ۋە قەھرلىك خىياللار كەلدى. ∥ قەھرلىك تىكىلمەك.

قەھرىتان

  • قەھرىتان [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى، قاتتىق، ئىنتايىن:[مىسال:] قەھرىتان سوغۇق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، سوغۇق ئىنتايىن كۈچەيگەن:[مىسال:] قەھرىتان قىش. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنتايىن قاتتىق سوغۇق:[مىسال:] قەھرىتاننىڭ مۇزدەك قامچىسى، يۈز-كۆزۈمگە تەگدى تاراسلاپ. دەرد-پىغاندا ئۆرتىنىپ يۈرەك، كاۋاپ بولۇپ كۆيدى ۋاژىلداپ.

قەھرىمان

  • قەھرىمان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] باتۇر، قورقماس، مەردانە:[مىسال:] قەھرىمان ئارمىيە. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] جەسۇر، باتۇر كىشى:[مىسال:] ئۆزىنى قەھرىمان قىلىپ كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئاساسلىق قىلىپ بايان قىلىنغان پېرسوناژ، شەخس:[مىسال:] باش قەھرىمان.[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

قەھرىمانانە

  • قەھرىمانانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «قەھرىمانلارچە»گە قاراڭ:[مىسال:] قەھرىمانانە كۈرەش قىلماق.

قەھرىمانلارچە

  • قەھرىمانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قەھرىمانلارغا خاس ھالدا، قەھرىمانلىق بىلەن، قەھرىمانانە:[مىسال:] قەھرىمانلارچە قۇربان بولماق.

قەھرىمانلىق

  • قەھرىمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەھرىمانلارغا خاس ھەرىكەت، تىرىشچانلىق:[مىسال:] قەھرىمانلىق كۆرسەتمەك.

قەھۋە

  • قەھۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] رويان ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ ياكى چاتقال. گۈلى ئاق بولۇپ خۇشبۇي پۇرايدۇ. شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ، مېۋىسىنىڭ رەڭگى توق قىزىل بولىدۇ. ئىچىدە ئىككى دانە ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇنى قورۇش ئارقىلىق قەھۋە ياسىلىدۇ. ئۇنىڭ روھلاندۇرۇش، ئاشقازاننى كۈچەيتىش رولى بار. كۆپىنچە تروپىك ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىدىن ئىشلەنگەن تالقان. [يەشمىسى:] ③ شۇ خىل ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنىڭ تالقىنىدىن تەييارلانغان ئىچىملىك.

قەھۋەخانا

  • قەھۋەخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەخسۇس قەھۋە دەملەپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن.

قەۋەتⅠ

  • قەۋەتⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قات-قات ياكى قاتلام-قاتلام نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قېتى، قاتلىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسى:[مىسال:] يەرنىڭ قەۋىتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، قات-قات نەرسىلەرنىڭ قاتلاملىق دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يەتتە قەۋەت ئاسمان. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى ئۆيلىرى:[مىسال:] بىنانىڭ 6-قەۋىتى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەكچە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۈستمۇئۈست جايلاشقان ھەربىر پەللىسى:[مىسال:] كىتاب جازىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قاتلام:[مىسال:] قەۋەت يۈزى.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ، سىم ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر تېلى:[مىسال:] نەچچە قەۋەت سىم بىلەن ئورىماق.

قەۋەتⅡ

  • قەۋەتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەددىدىن ئارتۇق، ناھايىتى، بەك، ئىنتايىن:[مىسال:] قەۋەت ياخشى. قەۋەت خوشال بولماق.

قەۋەت-قەۋەت

  • قەۋەت-قەۋەت[يەشمىسى:] بىرقانچە قەۋەت، نۇرغۇن قەۋەت:[مىسال:] بۇ يايلاقنىڭ ئەتراپى قەۋەت-قەۋەت ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان.

قەۋەتلەپ

  • قەۋەتلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەچچە قەۋەت، ھەسسىلەپ:[مىسال:] قەۋەتلەپ گۈزەللىك قوشماق.

قەۋەتلەتمەك

  • قەۋەتلەتمەك[يەشمىسى:] «قەۋەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قەۋەتلەشمەك

  • قەۋەتلەشمەك[يەشمىسى:] «قەۋەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قەۋەتلەنمەك

  • قەۋەتلەنمەك[يەشمىسى:] «قەۋەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قەۋەتلىك

  • قەۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەۋىتى بار، قەۋەتلەنگەن:[مىسال:] قەۋەتلىك بىنا. قەۋەتلىك ئۆي.

قەۋەتلىمەك

  • قەۋەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈستمۇئۈست، قاتلاممۇقاتلام، قەۋەتمۇقەۋەت قىلماق، شۇنداق ھالغا كەلتۈرمەك:[مىسال:] يوتقاننى قەۋەتلەپ يىغماق.

قەۋەتمۇقەۋەت

  • قەۋەتمۇقەۋەت [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرقەۋەت، بىرقەۋەتتىن قەۋەت-قەۋەتلەپ:[مىسال:] مەن سىزنى بۇبىنادا قەۋەتمۇقەۋەت ئىزدىدىم. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] بىز قەۋەتمۇقەۋەت قىيىنچىلىققا يولۇقتۇق.

قەۋزىيەت

  • قەۋزىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] تەرەت قۇرغاقلىشىپ، چوڭ تەرەت قىلىش قىيىنلىشىش ياكى قېتىم سانى ئازىيىشتىن ئىبارەت كېسەل ئالامىتى:[مىسال:] قەۋزىيەت بولماق.

قەۋس

  • قەۋس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ توققۇزىنچىسى. ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى °240 تىن °270 قىچە. ئەسلىي ئورنى قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمىگە يۆتكەلگەن. ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۇم سېرىق قار بولىدۇ.

قەي

  • قەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېگەن-ئىچكەننى ياندۇرۇش، قۇسۇش:[مىسال:] قەي قىلماق.

قەيەر

  • قەيەر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]قايسى+يەر[[يەشمىسى:] قايسى يەر؛ قايسى ئورۇن، قايسى جاي:[مىسال:] باش قەيەردە بولسا، پۇت شۇ يەردە (ماقال).

قەيەرلىك

  • قەيەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] يۇرتى قەيەر، قايسى يۇرتلۇق:[مىسال:] قەيەرلىكسەن، نەدىن كەلدىڭ

قەيت

  • قەيت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] «قىلماق» پېئىلى بىلەن كېلىپ: 1) تەكىتلىمەك، تەكىتلەپ ئۆتمەك:[مىسال:] قەيت قىلماق.[يەشمىسى:] 2) يازماق، يېزىپ قويماق:[مىسال:] ئەدىب ئۆز ئەسىرىدە دۆلەتنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىدىن تارتىپ ئاددىي خادىملىرىغىچە ھەممىسىنىڭ ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە ئەخلاق ئىگىسى بولۇشى زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە قەيت قىلىدۇ.

قەيسەر

  • قەيسەر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇرۇنقى رىم پادىشاھى، ئومۇمەن پادىشاھ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] باتۇر، ئىرادىلىك، جەسۇر، قەھرىمان:[مىسال:] قەيسەر كىشىلا كەمتەر بولىدۇ. [يەشمىسى:] ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

قەيسەرانە

  • قەيسەرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قەيسەرلىك بىلەن، قەيسەرلەرگە خاس ھالدا، قەيسەر ھالەتتە:[مىسال:] قەيسەرانە ئېلىشماق.

قەيسەرلەشتۈرمەك

  • قەيسەرلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «قەيسەرلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قەيسەرلەشمەك

  • قەيسەرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قەيسەر ھالەتكە كەلمەك، قەيسەر بولماق، باتۇرلاشماق:[مىسال:] ھېلىم قۇلاق كەستى مېنى باغلاپ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، تاغام ئاچچىقىدا تېخىمۇ قەيسەرلىشىپ كېتىپتۇ.

قەيسەرلىك

  • قەيسەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باتۇرلۇق، جاسارەت:[مىسال:] قەيسەرلىك كۆرسەتمەك.

قوبۇل

  • قوبۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رازىلىق، ماقۇللاش:[مىسال:] قوبۇل كۆرمەك.

قوبۇل قىلماق

  • قوبۇل قىلماق [يەشمىسى:] ① كۆنمەك، قوشۇلماق:[مىسال:] تەكلىپنى قوبۇل قىلماق. ئۆزرىنى قوبۇل قىلماق. [يەشمىسى:] ② ئالماق، ئۆتكۈزمەك، كىرگۈزمەك:[مىسال:] ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلماق. [يەشمىسى:] قارشى ئالماق، كۆرۈشمەك:[مىسال:] ماجۇڭيىڭ ۋەكىللەرنى ئۆزىنىڭ ياتىقىدا قوبۇل قىلدى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] كۆرمەك، داۋالىماق:[مىسال:] كېسەل قوبۇل قىلماق.⑤ [يەشمىسى:] تاپشۇرۇۋالماق، ئۆتكۈزۈۋالماق:[مىسال:] بۇيرۇق قوبۇل قىلماق.[يەشمىسى:] ⑥ ئىلىك ئالماق:[مىسال:] بوۋاي كۆز ئىشارىتى بىلەن سالامنى قوبۇل قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ⑦ ماقۇللىماق، تەستىقلىماق:[مىسال:] يىغىندا بىرنەچچە قارار قوبۇل قىلدۇق.[يەشمىسى:] ⑧ ئىبرەت ئالماق، يەكۈنلىمەك، مۇئەييەنلەشتۈرمەك:[مىسال:] تەجرىبە ساۋاقلارنى قوبۇل قىلماق.[يەشمىسى:] ⑨ [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىق ئورگانىزملار توقۇلما سىرتىدىكى ماددىلارنى توقۇلما ئىچىگە ئېلىپ كىرمەك، ئۆزلەشتۈرمەك:[مىسال:] قوبۇل قىلغۇچى تەنچە.[يەشمىسى:] 01 [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] رادىئو دولقۇنلىرىنى ئۆزىگە ئالماق، تۇتماق:[مىسال:] قوبۇل قىلغۇچى ئاپپارات.[يەشمىسى:] 11 كاللىسىدىن، ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] بوۋاي تۇيۇقسىز بېسىپ كەلگەن بۇ ئالامەتنى قوبۇل قىلالمىدى.

قوبۇلخانا

  • قوبۇلخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مېھمانلار، ئىش بىلەن كەلگۈچىلەر نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان ياكى ئىش بىلەن كەلگەن كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىدىغان ئۆي، خانا.

قوبۇللاتماق

  • قوبۇللاتماق[يەشمىسى:] «قوبۇللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوبۇللانماق

  • قوبۇللانماق[يەشمىسى:] «قوبۇللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قوبۇللىماق

  • قوبۇللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوبۇل قىلماق:[مىسال:] ئوقۇغۇچى قوبۇللىماق.

قوپال

  • قوپال [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەپ-سۆز، ھەرىكەتلىرى سىلىق ئەمەس؛ كىشىگە قاتتىق تېگىدىغان (ئادەملەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ ھازىر بۇرۇنقى قوپال، خىيالچان سونۇر ئەمەس. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىمسىز، سوغۇق، توڭ، ئاچچىق (گەپ-سۆز، ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] قوپال سۆز. قوپال جاۋاب. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سىلىق ئەمەس، سەت، كۆرۈمسىز؛ شەكلى، كۆرۈنۈشى ناچار، ئوڭغۇل-دوڭغۇل (ھەر خىل نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ يار-يار ھارۋىنىڭ ئېگىز ۋە قوپال چاقىغا ئۇرۇلۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سەت، كۆرۈمسىز؛ رەتلىك، چىرايلىق ئەمەس:[مىسال:] يىپمۇ قوپال ئورالغانىدى.

قوپاللاشتۇرماق

  • قوپاللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قوپاللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوپاللاشماق

  • قوپاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوپال ھالەتكە كەلمەك، قوپال بولماق:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزى بارغانسېرى قوپاللاشقىلى تۇردى.

قوپاللىق

  • قوپاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوپال ھەرىكەت، ئىش:[مىسال:] قوپاللىق قىلماق.

قوپتۇرماق

  • قوپتۇرماق[يەشمىسى:] «قوپماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مىڭبىر جاپادا يېتىۋالغان قېرى تۆگىنى قوپتۇرۇپ، ھارۋىسىغا بېسىپ، يەنە يولىغا راۋان بوپتۇ.

قوپتۇرۇلماق

  • قوپتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قوپتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قوپماق

  • قوپماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۇرماق، ئۆرە ھالەتكە كەلمەك، تىك بولماق:[مىسال:] سەھەر قوپماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا بولماق، يۈز بەرمەك:[مىسال:] يېغى ياندىن قوپار، بالا قېرىنداشتىن (ماقال). [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن تەييارلانماق ياكى كىرىشمەك، ھەرىكەتلەنمەك:[مىسال:] تاماققا قوپماق. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سالامەتلىكى ياخشىلانماق، ئوڭلانماق، تۈزەلمەك:[مىسال:] رازىيە قوپۇپ قالغاندۇر، دېدى ئۇ شازادە ئاچا بىلەن ئەھۋاللىشىۋېتىپ.

قوپۇرغۇ

  • قوپۇرغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىر نەرسىنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئۇنى قوزغاش ياكى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان توم كالتەك، پىشاڭ:[مىسال:] تۇز يالىغان ئىت قوپۇرغۇ ئاستىدا ئۆلەر (ماقال).

قوپۇرماق

  • قوپۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىنا قىلماق، سالماق، ياسىماق، ئۆرە قىلماق، تۇرغۇزماق (تام ھەققىدە):[مىسال:] تام قوپۇرماق.

قوپۇرۇشماق

  • قوپۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قوپۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز بارغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆل قىرىغا تام قوپۇرۇشۇۋاتقانىكەن.

قوپۇرۇلماق

  • قوپۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قوپۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كۆلنى ياقىلاپ جىمجىت، خىلۋەت جايغا كېلىپ، يېڭىلا قوپۇرۇلغان پاكارغىنا بىر تامنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى.

قوپۇشماق

  • قوپۇشماق[يەشمىسى:] «قوپماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قوتاز

  • قوتاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] كالىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل نەسلى. پۈتۈن تېنىدە ئۇزۇن كەلگەن توق قوڭۇر، قوڭۇر ياكى ئاق رەڭلىك تۈكلىرى بولىدۇ. پۇتى قىسقا، بېلى ئېگىلەڭگۈ كېلىدۇ. شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشايدۇ.

قوتازچى

  • قوتازچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوتاز باقىدىغان ياكى قوتاز نەسلىنى يېتىشتۈرىدىغان كىشى:[مىسال:] بۇلارنىڭ ھەممىسى يىلقىچىلار ۋە قوتازچىلار ئىدى.[يەشمىسى:] ② قوتاز بىلەن ئادەم ۋە يۈك توشۇپ كىراكەشلىك قىلغۇچى كىشى.

قوتازچىلىق

  • قوتازچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوتاز بېقىش ۋە قوتاز بىلەن يۈك توشۇش ئىشى، كەسپى.

قوتان Ⅰ

  • قوتان Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، كالا قاتارلىقلار سولىنىدىغان چوڭ ئېغىل، مالخانا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن بىللە كېلىپ، مال پادىسىنىڭ قوتانغا سىغقۇدەك مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قوتان قوي.

قوتانⅡ

  • قوتانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل يىرتقۇچ قۇش. پەيلىرى ئاق ياكى كۆك، بوينى ۋە تۇمشۇقى ئۇزۇن كېلىدۇ.

قوتانتۇمشۇق

  • قوتانتۇمشۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوتان+تۇمشۇق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوتانتۇمشۇق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ئىنچىكە ھەم ئاجىز بولۇپ، يەرگە تەكشى يېيىلىپ ياكى سەل قىيپاش ھالەتتە ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، مۇسكۇل ۋە ئۇستىخاننى كۈچلەندۈرۈش، رېماتىزمنى يوقىتىش، زەھەر كېسىش ۋە ئىسسىقنى قايتۇرۇش روللىرىغا ئىگە.

قوتان-قوتان

  • قوتان-قوتان[يەشمىسى:] بىرقانچە قوتان، نۇرغۇن قوتان؛ ناھايىتى كۆپ:[مىسال:] قوتان-قوتان قوي.

قوتانلاپ

  • قوتانلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قوتانغا تولغان، قوتان تولىدىغان؛ ناھايىتى جىق:[مىسال:] باسمىچىلار كەلگەن پېتى باينى ئۆلتۈرۈپ، قوتانلاپ قوي، چارۋىلىرىنى ھەيدەپ كېتىشكەنىدى.

قوتانلانماق

  • قوتانلانماق[يەشمىسى:] «قوتانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قوتانلىماق

  • قوتانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەتراپىدا بىر خىل چەمبىرەك ھاسىل بولماق، يۇمىلاق چەمبەر شەكىللىك دائىرە پەيدا بولماق (ئاي، كۈن ھەققىدە):[مىسال:] ئاي قوتانلىسا ئايدا ياغار، كۈن قوتانلىسا كۈندە ياغار (ماقال).

قوتۇر Ⅰ

  • قوتۇر Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلاردا بولىدىغان تارقىلىشچان تېرە كېسىلى، قىچىشقاق. ئۇنى قوتۇر كانىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە قولنىڭ ئالىقان، بارماقلىرىدا، ساغرا، قورساق قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان:[مىسال:] قوتۇر ئېشەك. قوتۇر ئىت. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەكشى، سىلىق ئەمەس؛ يىرىك، ئوڭغۇل-دوڭغۇل:[مىسال:] قوتۇر ئامۇت. قوتۇر يۈز. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يارىماس، ئەرزىمەس؛ يامان، ناچار:[مىسال:] قوتۇر نەرسە. قوتۇر بىرنېمە. ئىچى قوتۇر.

قوتۇرⅡ

  • قوتۇرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئورۇق.

قوتۇرلاشتۇرماق

  • قوتۇرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قوتۇرلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوتۇرلاشماق

  • قوتۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوتۇر بولۇپ قالماق، قوتۇر ھالەتكە كەلمەك، قوتۇر پەيدا بولماق:[مىسال:] قوتۇرلىشىپ كەتمەك.

قوتۇرماچ

  • قوتۇرماچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قازان نېنى.

قوچقار

  • قوچقار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىچىلمىغان ئەركەك قوي.

قوچقارچى

  • قوچقارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوچقار باقىدىغان ياكى قوچقار سوقۇشتۇرىدىغان كىشى.

قوچقىراق

  • قوچقىراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ياشقا تولمىغان قوچقار.

قوچۇتماق

  • قوچۇتماق[يەشمىسى:] «قوچۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوچۇرا

  • قوچۇرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قارىغاي.

قوچۇشماق

  • قوچۇشماق[يەشمىسى:] «قوچۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قوچۇلماق

  • قوچۇلماق[يەشمىسى:] «قوچۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قوچۇماق

  • قوچۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارىلاشتۇرماق، مالتىلىماق؛ قالايمىقانلاشتۇرماق:[مىسال:] كاللىنى قوچۇماق.

قوختا

  • قوختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇرخۇننىڭ ئۆگزىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان قىسمى. [يەشمىسى:] ②>تار<[يەشمىسى:] بۇرۇنقى دەۋرلەردە كۆزىتىش ۋە مۇداپىئە ئۈچۈن سېپىللارنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدىغان كىچىك ئۆي.

قوداڭشىتماق

  • قوداڭشىتماق[يەشمىسى:] «قوداڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوداڭشىماق

  • قوداڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزگەرمەك، تۇراقسىزلاشماق:[مىسال:] مىجەزى قوداڭشىماق.

قوداي

  • قوداي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل سۇ قۇشى. بوينى قىسقا، ئاغزى چوڭ، تۇمشۇقى ئۇزۇن، رەڭگى كۆكۈچ ئاق. گېلىدا پوقىقى بولىدۇ. ئاساسەن بېلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

قورال (قورالى)

  • قورال (قورالى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە دۈشمەن تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب ياكى مېخانىزم، قۇرۇلما قاتارلىقلار:[مىسال:] يان قورال. يادرو قوراللىرى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشتا پايدىلىنىلىدىغان، ئۇنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق ئەسۋاب، قۇرۇلما، مېخانىزم، ماشىنا ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] يېزىش قوراللىرى. ئوقۇتۇش قوراللىرى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مەقسەتكە يېتىش، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ۋاسىتە، دەستەك، ئامىل:[مىسال:] تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قورالى.

قورال-جابدۇق

  • قورال-جابدۇق[يەشمىسى:] قورال ۋە جابدۇق؛ قورال ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەر:[مىسال:] ئۇلار سەھەردىلا قورال-جابدۇقلىرىنى تەخ قىلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىشتى.

قورال-سايمان

  • قورال-سايمان[يەشمىسى:] قورال ۋە سايمان؛ قورال ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەر.

قورالسىز

  • قورالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورالى يوق، قورالغا ئىگە بولمىغان؛ قوراللانمىغان، قورال كۆتۈرمىگەن ياكى ئالمىغان:[مىسال:] قورالسىز جەڭچى. ∥ قورالسىز ماڭدۇرماق.

قورالسىزلاندۇرماق

  • قورالسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «قورالسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قورالسىزلاندۇرۇشماق

  • قورالسىزلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قورالسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قورالسىزلاندۇرۇلماق

  • قورالسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قورالسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قورالسىزلانماق

  • قورالسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قورالىدىن ئايرىلماق، قورالىدىن مەھرۇم بولماق، قورالىنى تاشلىماق:[مىسال:] قوراللىرىنى تاشلاپ، قورالسىزلانغان دۈشمەندىن ئارتۇقچە ئېھتىيات قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.

قورالسىزلىق

  • قورالسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورالى يوق ھالەت، قورالدىن مەھرۇم بولۇش.

قوراللاندۇرماق

  • قوراللاندۇرماق[يەشمىسى:] «قوراللانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوراللاندۇرۇشماق

  • قوراللاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قوراللاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قوراللاندۇرۇلماق

  • قوراللاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قوراللاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قوراللانماق

  • قوراللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قورالغا ئىگە بولماق، ئېرىشمەك؛ قولىغا قورال ئالماق:[مىسال:] دەريانىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن دانىيارنىڭ كالتەك-توقماق، نەيزە، مىلتىقلار بىلەن قوراللانغان تاغلىق يىگىتلىرى قورشاپ كېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② تۈرلۈك ئەمگەك قوراللىرى، جابدۇقلىرى بىلەن تەمىن ئېتىلمەك، شۇلارغا ئىگە بولماق، ئېرىشمەك:[مىسال:] چۈشتى ئالىم ياردەمگە، كۈچ قوشۇلدى غەيرەتكە، قوراللىنىپ تاش بىلەن، كەلدى تېزدىن ھەرىكەتكە. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مەقسەتكە يېتىش، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاسىتىلەرگە ئىگە بولماق، ئۇلارنى بىلىۋالماق، ئۆگەنمەك:[مىسال:] ئىلىم بىلەن قوراللانماق.

قوراللىق

  • قوراللىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەنگەن؛ قورال تۇتقان، ئاسقان، كۆتۈرگەن؛ قوراللانغان:[مىسال:] قوراللىق ئادەم. قوراللىق كۈچ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورال كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ياكى ئاشۇرۇلىدىغان:[مىسال:] قوراللىق قوزغىلاڭ. قوراللىق كۈرەش. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قورال ئىشلىتىپ، تۇتۇپ. قوراللانغان ھالدا:[مىسال:] قوراللىق قارشى تۇرماق.

قورال-ياراغ

  • قورال-ياراغ[يەشمىسى:] قورال ۋە ياراغ، يەنى مىلتىق، زەمبىرەك، مىنا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئوق-دورا ۋە بارلىق خىمىيىۋى قوراللار.

قورام

  • قورام [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوغان، زور، چوڭ:[مىسال:] قورام تاش. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] دانىچىلار دىئامېتىرى 001mm دىن زور بولغان تاغ جىنس ۋە مىنېرال پارچىلىرى.

قورامداتماق

  • قورامداتماق[يەشمىسى:] «قورامدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قورامدالماق

  • قورامدالماق[يەشمىسى:] «قورامدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قورامدىماق

  • قورامدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زورىيىپ قورام ھالىتىگە كەلمەك.

قورامساق

  • قورامساق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇراشتۇرۇلغان، ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن يىغىلىپ پۈتۈنلۈكنى ھاسىل قىلغان:[مىسال:] ئۇ كۆپىنچە ئۈزۈمسىمان، بۆرەكسىمان، يېلىنسىمان، كاللەك، توپىسىمان قورامساق ھالىتىدە بولىدۇ.

قوراملىق

  • قوراملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورام تاشلار كۆپ جاي.

قوراي

  • قوراي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرۇپ قالغان شاخ-شۇمبا، تۈرلۈك چاتقال ياكى نىسبەتەن يىرىكرەك ئوت-چۆپلەر:[مىسال:] قوراي ئورماق.

قورايچى

  • قورايچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوراي ئورۇپ، يىغىپ، قوراي سېتىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشى:[مىسال:] ئۇ كۈنى موماي قورايچى بوۋىيىنى ساقلاپ، يېرىم كېچىگىچە تاماقمۇ يېمەي ئولتۇرۇپتۇ.

قورايچىلىق

  • قورايچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوراي يىغىش ياكى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى.

قورايلىق

  • قورايلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوراي بىلەن قاپلانغان، قوراي كۆپ جاي:[مىسال:] ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇۋېلىپ پۈتۈن ئەسكى تاملىقلار، قورايلىقلار، باغلارنى ئالا قويماي تاسقاپ چىقىسەن. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوراي كۆپ، قوراي بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] قورايلىق يەر.

قورچاق Ⅰ

  • قورچاق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ ياسالغان بالىلار ئويۇنچۇقى:[مىسال:] ياغاچ قورچاق. لاتا قورچاق. قورچاق ئوينىماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ بۇيرۇقى، ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىدىغان، مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان (كىشى، ئەمەلدار، ھۆكۈمەت قاتارلىقلار):[مىسال:] قورچاق ھاكىم. قورچاق ئەسكەر.

قورچاقⅡ

  • قورچاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تولۇق شەكىل ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلاردىكى لىچىنكىدىن يېتىلگەن باسقۇچقا ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى شەكىل.

قورچاقⅢ

  • قورچاقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوناق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈۋىدىن شاخ ئارىلاپ چىققان قىسمى.

قورچاققول

  • قورچاققول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قورچاق+قول[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈلكە مايىقى ئائىلىسدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى بېغىر رەڭ، باشاقسىمان گۈل رېتىدە، تۈگۈنەك غولى دورا بولىدۇ. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، مۇسبەتلىككە ياردەم بېرىش، قۇۋۋەت بېرىش، قاننى تەڭشەش، ئاغرىق پەسەيتىش رولى بار.

قورچاقلىق

  • قورچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورچاق ھالەتتىكى:[مىسال:] قورچاقلىق دەۋرى.

قورداق

  • قورداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆش بىلەن ياڭيو ياكى سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلارنى بىللە قورۇپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل تاماق. ئادەتتە نان بىلەن يېيىلىدۇ.

قورساق

  • قورساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] گەۋدىنىڭ بىر قىسمى. ئادەملەرنىڭ قورسىقى كۆكرەكنىڭ ئاستىدا، ھايۋانلارنىڭ قورسىقى كۆكرەكنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② قېرىن:[مىسال:] قورساق ئالماق. قورساق سېتىۋالماق. [يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توم، سېمىز قىسمى:[مىسال:] قەلەمنىڭ قورسىقى. قورسىقى چوڭ بوتۇلكا.

قورساق باقماق

  • قورساق باقماق[يەشمىسى:] جان ساقلىماق، كۈن ئالماق:[مىسال:] ئۇ ياڭاققا بىرپەس سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن:[مىسال:] خوپ، شۇنداق بولسۇن، مېۋە-چېۋە بىلەن قورساق باقالمايسىلەر، دېدى-دە، ماشىنا تەرەپكە بۇرۇلدى.

قورساق بوشاتماق

  • قورساق بوشاتماق[يەشمىسى:] كۆڭلىدىكى بارلىق نارازىلىق، ئاچچىق، خاپىلىقلىرىنى، دەرد-ئەلىمىنى، غەم-قايغۇسىنى ئېيتىپ يېنىكلەپ قالماق:[مىسال:] ئۇ بىر خىلۋەت جايغا بېرىپ يىغلاپ-يىغلاپ قورسىقىنى بوشاتتى.

قورساقتا قالماق

  • قورساقتا قالماق[يەشمىسى:] ھامىلە ھالىتىدە پەيدا بولماق، ئېغىر ئاياغ بولماق.

قورساق كۆپمەك

  • قورساق كۆپمەك[يەشمىسى:] ئاچچىقى كەلمەك، رەنجىمەك، خاپا بولماق:[مىسال:] بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورسىقىم تازا كۆپتى.

قورساق كۆپۈكى

  • قورساق كۆپۈكى[يەشمىسى:] خاپىلىق، رەنج، ئەلەم.

قورساق كۆتۈرمەك

  • قورساق كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] ئېغىر ئاياغ-ھامىلىدار بولماق.

قورساقنى ئەستەرلىمەك

  • قورساقنى ئەستەرلىمەك[يەشمىسى:] ئازراق بىرنەرسە يېمەك.

قورسىقىدا توڭگۇز قاترايدىغان

  • قورسىقىدا توڭگۇز قاترايدىغان[يەشمىسى:] ئىچى يامان، نىيىتى بۇزۇق؛ كۆرەلمەس، ھەسەتخور.

قورسىقىدا چوت سوقماق

  • قورسىقىدا چوت سوقماق[يەشمىسى:] كۆڭلىدە بىرەر ئىشنى پىلانلىماق، مۆلچەرلىمەك، كۆزلىمەك.

قورسىقىدا گەپ ياتمايدىغان

  • قورسىقىدا گەپ ياتمايدىغان[يەشمىسى:] ئاغزى بوش، سىر ساقلىيالمايدىغان.

قورسىقىدا ئۇمىچى بار

  • قورسىقىدا ئۇمىچى بار[يەشمىسى:] قولىدىن ئىش كېلىدىغان، قابىلىيەتلىك، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغان، بىلىملىك.

قورسىقىغا كىرىپ چىقماق

  • قورسىقىغا كىرىپ چىقماق[يەشمىسى:] كۆڭلىدىكى مەقسەت، ئارزۇ-خاھىشى، ھېس-تۇيغۇسىنى بىلمەك، چۈشەنمەك، بىلىپ يەتمەك.

قورساقلىق

  • قورساقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قورسىقى بار:[مىسال:] ئۇ ئىشلىتىۋاتقىنى قارا قورساقلىق، يالتىراق سېرىق قالپىقى بار قەلەم ئىدى.[يەشمىسى:] ② قورساق سالغان، يوغان قورساق:[مىسال:] ئاغزى تار، تېگى كەڭ كۈرە. قورساقلىق، سېرىق رەڭ كۈرە. خوجامنىڭ تويماس قورسىقى مىسالى بىر لەھەڭ كۈرە.

قورشاتماق

  • قورشاتماق[يەشمىسى:] «قورشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قورشاشماق

  • قورشاشماق[يەشمىسى:] «قورشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قورشالماق

  • قورشالماق[يەشمىسى:] «قورشىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قورشاۋ

  • قورشاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مۇھاسىرە»گە قاراڭ:[مىسال:] قورشاۋنى بۇزماق.

قورشىماق

  • قورشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئارىغا ئېلىۋالماق، قامال قىلماق، قورشاۋغا ئالماق:[مىسال:] بىز ئەتراپىنى قويۇق ئورمانلار قورشاپ تۇرغان ھويلىغا كىردۇق.

قورغان

  • قورغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىھكام، سېپىللار بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جاي، شەھەر، قەلئە ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] قورغاننى قامال قىلماق. قورغانغا ھۇجۇم قىلماق. [يەشمىسى:] ② قەلئە، شەھەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇستەھكەم دىۋار، تام، سېپىل:[مىسال:] قورغان چوڭقۇر يارلىق ئېرىققا تاقىلىپ تۈگەيتتى. [يەشمىسى:] دالا، تاغلىق جايدا شۇنىڭدەك شەھەردىن يىراقراق جايلاردا ئەتراپىنى تاملار بىلەن قورشاش ئارقىلىق ياسىلىدىغان ئورۇن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىنالار:[مىسال:] قورغاننىڭ تاملىرى ئۈستىدە كىشىلەر كۆپ ئىكەن. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇستەھكەم تايانچ:[مىسال:] جەڭگىۋار قورغان.[يەشمىسى:] ⑤ قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

قورغانلىق

  • قورغانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قورغىنى بار، قورغانغا ئىگە. [يەشمىسى:] ② قورغانغا خاس، قورغان بولىدىغان:[مىسال:] ھەر قايسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي تۈردە پارتىيىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ئوينىشى كېرەك.

قورققاق

  • قورققاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېمىلا بولسا قورقۇپ تۇرىدىغان، يۈرەكسىز، توخۇ يۈرەك:[مىسال:] كۆز قورققاق، قول باتۇر (ماقال).∥ ئەندىشىنىڭ ئېتى قورققاق (ماقال).

قورققاقلىق

  • قورققاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈرەكسىزلىك، توخۇ يۈرەكلىك؛ قورقاقلارغا خاس مىجەز-خاراكتېر، قىلىق-ھەرىكەت:[مىسال:] قورققاقلىق قىلماق.

قورقماس

  • قورقماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان، ئەندىشە قىلمايدىغان، شىر يۈرەك، باتۇر:[مىسال:] قورقماس شائىر ل. مۇتەللىپ ئوفىتسېرگە غەزەپ بىلەن تۈكۈردى.

قورقماسلىق

  • قورقماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان خۇسۇسىيەت، خاراكتېر:[مىسال:] ئۇ، ھېچ نەرسىدىن قورقماسلىققا ۋەدە بەردى.

قورقماق

  • قورقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەنسىرىمەك، خەۋپسىزىمەك، ئەندىشە قىلماق؛ يۈرەكسىزلىك قىلماق، جاسارەتسىزلىك قىلماق:[مىسال:] بۆرىدىن قورققان قوي باقماس (ماقال).

قورقۇتماق

  • قورقۇتماق[يەشمىسى:] «قورقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئابدۇللا مېنى جازالاپ قورقۇتۇش بىلەن قانلىق جىنايىتىنى يۇشۇرۇپ كېتەلمەيدۇ.

قورقۇشماق

  • قورقۇشماق[يەشمىسى:] «قورقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قورقۇمسىرىماق

  • قورقۇمسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سەل قورقۇش ھېس قىلماق، قورققاندەك بولماق، بىرئاز قورقماق:[مىسال:] مەزىن قورقۇمسىراپ قالغان بالىلىرىنى پەپىلەپ، تىنجىتىپ قويدى.

قورقۇمسىز

  • قورقۇمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان، باتۇر، قورقماس:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىگە كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغان بۇ قورقۇمسىز، مەرد مالاي يىگىتكە نىسبەتەن بىر خىل رازىمەنلىك ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى.

قورقۇمسىزلىق

  • قورقۇمسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان خۇسۇسىيەت، خاراكتېر:[مىسال:] قىزلار شەپقەت ھەمشىرىلىك خىزمەتلىرىنى قورقۇمسىزلىق بىلەن ئادا قىلماقتا.

قورقۇنچ

  • قورقۇنچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەھىمە، ئەندىشە:[مىسال:] گۈلئايشەم قورقۇنچ ئىچىدە ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى.

قورقۇنچاق

  • قورقۇنچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممىلا نەرسىدىن قورقۇپ، ئەندىشە قىلىپ تۇرىدىغان؛ يۈرىكى يوق، توخۇ يۈرەك، يۈرەكسىز:[مىسال:] قورقۇنچاق ئادەم. ∥ ۋاي قورقۇنچاقلار، ھازىرلا بىڭسىمنى كۆرىسىلەر، دېدى ئەنۋەر.

قورقۇنچاقلىق

  • قورقۇنچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورقۇش خۇسۇسىيىتى؛ يۈرەكسىزلىك:[مىسال:] پەخەس بولۇش ھېچقاچان قورقۇنچاقلىق ئەمەس.

قورقۇنچلۇق

  • قورقۇنچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەھىمىلىك؛ خەۋپلىك، خەتەرلىك:[مىسال:] ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنىدى.

قورما

  • قورما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كەپتەر قاتارلىقلارنىڭ قونۇشى ئۈچۈن ئۆگزە، ھويلا قاتارلىق جايلارغا توغرا قويۇلغان بادرا ياغاچ، قونداق.

قورمال

  • قورمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمىدە دورغىنىڭ قول ئاستىدا ئاشلىق، تېرىلغۇ، ئورمان، ئۇلاغ-ھايۋانلارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان كىشى.

قورماللىق

  • قورماللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورمالغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە.

قورۇ

  • قورۇ [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھويلا ۋە ھويلا ئىچىدىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يايلاقلاردىكى ماللارنى سولاش ئۈچۈن ئەتراپى قورشالغان جاي، چوڭ قوتان:[مىسال:] ئۇ ماللارنى ئۇتتۇر قورۇغا ھەيدەپ كەتتى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قورۇ ئات. ئىككى قورۇ قوي.

قورۇتماقⅠ

  • قورۇتماقⅠ[يەشمىسى:] «قورۇماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كۆپىنچە ئايالىغا توخۇم سەي قورۇتۇپ يەيتتى.

قورۇتماقⅡ

  • قورۇتماقⅡ[يەشمىسى:] «قورۇماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قورۇتماقⅢ

  • قورۇتماقⅢ[يەشمىسى:] «قورۇماقⅢ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قورۇ-جاي

  • قورۇ-جاي[يەشمىسى:] ئۆي-زېمىن؛ ئۆي ۋە ھويلا قاتارلىقلار.

قورۇداش

  • قورۇداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر قورۇدا ئولتۇرغۇچى.

قورۇشماقⅠ

  • قورۇشماقⅠ[يەشمىسى:] «قورۇماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار بىردەمدىلا تۆت-بەش تەخسە سەي قورۇشتى.

قورۇشماقⅡ

  • قورۇشماقⅡ[يەشمىسى:] «قورۇماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قورۇشماقⅢ

  • قورۇشماقⅢ[يەشمىسى:] «قورۇماقⅢ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئىككىسى ئۆيدىكى چىۋىنلەرنى قورۇشۇپ يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى.

قورۇق Ⅰ

  • قورۇق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇقلاش، گۆشى ياكى سۈيى قېچىش، قېرىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىدە ھاسىل بولغان پۈرۈم، سىزىق؛ قورۇلۇپ قالغان جاي:[مىسال:] دەرد قورۇقى كېتەر، ئاچ قورۇقى كەتمەس (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قورۇلۇپ قالغان، ئورۇق ھەم ۋىجىك، جانسىز، ئاجىز:[مىسال:] ئېشىكىڭ ئورۇقتۇ، تاز يا كىچىك، قورۇقتۇ، تاز

قورۇقⅡ

  • قورۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆي-ئىمارەتلەر سېلىنغان، دەل-دەرەخ، باغۋارانلىق دېھقانچىلىق مەيدانى؛ ئېكىنزار.[يەشمىسى:] ② ئېكىنزار ياكى باغ، ھويلا-ئارام قاتارلىقلارنى سىرتتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان نىسبەتەن پاكار تام.

قورۇقچى

  • قورۇقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغدىغۇچى؛ ئامانلىققا، بىخەتەرلىككە مەسئۇل بولغۇچى خادىم؛ ساقچى.

قورۇقچىلىق

  • قورۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورۇقچىغا بېرىلگەن ۋەزىپە؛ قوغدىغۇچىلىق:[مىسال:] قورۇقچىلىق قىلماق.

قورۇقسىزⅠ

  • قورۇقسىزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورۇق يوق، قورۇق چۈشمىگەن، قورۇق پەيدا بولمىغان:[مىسال:] كېرىم ئۇنىڭ قورۇقسىز، ئالمىدەك پاك يۈزىگە قاراپ ئولتۇراتتى.

قورۇقسىزⅡ

  • قورۇقسىزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورۇق توسۇلمىغان، قورۇق تېمى يوق.

قورۇقلاتماق

  • قورۇقلاتماق[يەشمىسى:] «قورۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قورۇقلۇقⅠ

  • قورۇقلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورۇپ تەييارلانغان، قورۇلغان:[مىسال:] سەيلەر قورۇقلۇق، ھەممە نەرسە تەييار ئىدى. ∥ ئۇ قازاندا قورۇقلۇق تۇرغان گۆشلۈك لازا سەينى كۆرۈپ، دەرھال ئايالى كەلگۈچە ئۈچ رومكا قېقىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەنىدى.

قورۇقلۇقⅡ

  • قورۇقلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قورۇقى بار، قورۇققا ئىگە:[مىسال:] ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى جاپالىق ئىشلەپ قورۇقلۇقمۇ بولۇپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② قورۇق تېمى بار، قورۇق تام توسۇلغان.

قورۇقلىماق

  • قورۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوغدىماق، ھىمايە قىلماق:[مىسال:] بۇ توغراقلار گويا ھەيۋەتلىك قامىتى بىلەن مازارنى قورۇقلاۋاتقانغا ئوخشايتتى.

قورۇل

  • قورۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مىلتىق قاتارلىق قوراللارغا ئورنىتىلغان نىشاننى قارىغا ئېلىش قۇرۇلمىسى:[مىسال:] پەمسىز باتۇرلۇق-قورۇلى يوق مىلتىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۆتكەن-كەچكەننى كۆزىتىش-تەكشۈرۈش پونكىتى؛ چازا:[مىسال:] قورۇلدىن ئۆتمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زەربە بېرىش، ئۆچ ئېلىش، قىساس ئېلىش ئوبيېكتى، نىشانى:[مىسال:] قورۇلغا ئالماق.

قورۇلتاز

  • قورۇلتاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] مادار، قۇماي.

قورۇلگاھ

  • قورۇلگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېگرا، يول ياكى ئۆتەڭلەردىكى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش پونكىتلىرى قۇرۇلغان جايلار.

قورۇلماقⅠ

  • قورۇلماقⅠ[يەشمىسى:] «قورۇماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ياغدا قورۇلغان بېلىقنى قەلەمچە قىلىپ توغرالغان كۆك پىياز بىلەن ھازىرلايتتى.

قورۇلماقⅡ

  • قورۇلماقⅡ[يەشمىسى:] «قورۇماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۆتۈكنى كىيىپ ئون قەدەم ماڭا-ماڭمايلا پۇتلىرى قورۇلۇپ ئاغرىشقا باشلىدى.

قورۇمⅠ

  • قورۇمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم قېتىم قورۇشقا بولىدىغان:[مىسال:] بىر قورۇم سەي.

قورۇمⅡ

  • قورۇمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورشاۋ، ئىسكەنجە:[مىسال:] قورۇمغا ئالماق. قورۇمدا قالماق.

قورۇما

  • قورۇما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قورۇلغان ياكى قورۇلىدىغان:[مىسال:] قورۇما چۆچۈرە. قورۇما كاۋاپ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مايدا قورۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان يېمەكلىك، سەي:[مىسال:] كېيىن ئىچىملىكلەر ۋە قورۇمىلار كەلتۈرۈلدى.

قورۇماقⅠ

  • قورۇماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سەي، گۆش قاتارلىقلارنى قازاندا قىزدۇرۇلغان ياغقا سېلىپ، ئۇ يان-بۇ يان ئۆرۈپ-چۆرۈپ، ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرماق:[مىسال:] پولۇ قورۇشتىن، شورپا سورۇشتىن (ماقال).

قورۇماقⅡ

  • قورۇماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىستىماق؛ يىغماق؛ قىسىپ مۇجۇماق، سىقماق:[مىسال:] ئۆتۈك پۇتۇمنى قورۇپ ئاغرىتىۋەتتى.

قورۇماقⅢ

  • قورۇماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھېمايە قىلماق، قوغدىماق:[مىسال:] باغنى قورۇماق. قوغۇنلۇقنى قورۇماق.[يەشمىسى:] ② قۇش، چىۋىن، پاشا ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ھەيدەپ يىراقلاشتۇرماق، قوغلىماق:[مىسال:] چىۋىن قورۇماق.

قورۇنماق

  • قورۇنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوڭايسىزلانماق، تارتىنماق؛ ئازادە، ئەركىن بولالماي قالماق:[مىسال:] ئابىدەم قورۇنۇپراق ئاتقا يېقىنلاشتى.

قوزا

  • قوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قوينىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىسى.

قوزا چۈش

  • قوزا چۈش[يەشمىسى:] ئاشۋاقتىدىن كېيىنكى، چۈشتىن بۇرۇنقى، چۈشكە يېقىن ۋاقىت.

قوزىنى پوزا قىلماق

  • قوزىنى پوزا قىلماق[يەشمىسى:] ئۇزۇن ۋاقىت جاپالىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئاز نەرسىنى كۆپەيتمەك:[مىسال:] بالام، دېدى ئانىسى، -سەن قوزىنى پوزا قىلىپ بولغۇچە مەن بارمۇ يوق، بىرنېمە دەپ بولمايدۇ.

قوزام

  • قوزام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك بالىلارنى ئەركىلىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئەللەي، قوزام، ئومىقىم، شېرىن-شېكەر تاتلىقىم.

قوزا-ئوغلاق

  • قوزا-ئوغلاق[يەشمىسى:] قوزا ۋە ئوغلاق:[مىسال:] يېڭى تۇغۇلغان قوزا-ئوغلاقلارنىڭ تىمەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالاتتى.

قوزغاتقۇچ

  • قوزغاتقۇچ [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوزغىتىش رولىنى ئوينايدىغان، قوزغىتىدىغان:[مىسال:] قوزغاتقۇچ دورا. قوزغاتقۇچ ئېنېرگىيە. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] يالتىراق لامپىنىڭ ئوت ئالدۇرۇش دېتالى. ئادەتتە يالتىراق لامپىنىڭ قوزغىتىش توك يولىغا ئۇلىنىدۇ. ئىچىگە مېتالدىن ياسالغان ئىككى تال ئىسسىقلىق پلاستىنكىسى ۋە بىر دانە كوندېنساتورنى قاچىلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

قوزغاتقۇچى

  • قوزغاتقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوزغاش رولىنى ئوينىغۇچى.

قوزغاتماق

  • قوزغاتماق[يەشمىسى:] «قوزغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوزغاشماق

  • قوزغاشماق[يەشمىسى:] «قوزغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قوزغالما

  • قوزغالما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوزغىلىدىغان، بىر ئورۇنغا مۇقىم قىلىنمىغان، ھەرىكەتچان.

قوزغالماس

  • قوزغالماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوزغالمايدىغان:[مىسال:] قوزغالماس غالتەك.

قوزغالماق

  • قوزغالماق[يەشمىسى:] ① «قوزغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەل قوزغالسا، تەخت قوزغىلار (ماقال).[يەشمىسى:] ② «قوزغىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سائەت ئوندا ئابتوبۇس يەنە قوزغالدى.

قوزغىلاڭ

  • قوزغىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاكىمىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھەرىكەت، ئىنقىلاب؛ ئىسيان.

قوزغىلاڭچى

  • قوزغىلاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوزغىلاڭغا قاتناشقان، قوزغىلاڭ كۆتۈرگۈچىلەر تەرىپىدە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغان كىشى:[مىسال:] قوزغىلاڭچىلار ئەمدى قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا باش قاتۇرماقتا ئىدى.

قوزغىلىشچان

  • قوزغىلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوزغىلىپ تۇرىدىغان، قوزغىلىدىغان:[مىسال:] قوزغىلىشچان ھالەت.

قوزغىلىشچانلىق

  • قوزغىلىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوزغىلىش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] قوزغىلىشچانلىقى كۈچلۈك.

قوزغىماق

  • قوزغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسلى ئورنىدىن يۆتكىمەك، مىدىرلاتماق، ھەرىكەتلەندۈرمەك:[مىسال:] ھارۋىنى قوزغىماق. ئورنىدىن قوزغىماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر پائالىيەت ياكى ھەرىكەتكە ئومۇمىي يۈزلۈك سەپەرۋەر قىلماق؛ ئاتلاندۇرماق، ھەرىكەتلەندۈرمەك:[مىسال:] ئۇلار بازار ئىچىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە ئاھالىلەرنى ئۈجمە كۆچىتى تىكىشكە قوزغىدى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا قىلماق، مەيدانغا كەلتۈرمەك؛ تۇغدۇرماق، سادىر قىلماق:[مىسال:] مۇنازىرە قوزغىماق. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يەنە قايتا يۈز بەرگۈزمەك، سادىر قىلماق، قايتىلاتماق، تۇتماق (كېسەل قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] كېسىلىنى قوزغاپ قويماق.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭىدىن ئەسكە سالماق، يېڭىدىن تىلغا ئالماق، يېڭىدىن ئەسكە سېلىپ ياكى تىلغا ئېلىپ، كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلماق، يېڭىلىماق (ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كۆڭۈلسىزلىك ياكى كۆڭۈلسىز مەسىلىلەر ھەققىدە):[مىسال:] بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان نۇرغۇن قايغۇلۇق ئەسلىمىلىرىنى قوزغايدۇ.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزى تەرەپكە بۇرىماق، تارتماق، قاراتماق (دىققەت-ئېتىبار قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] دىققىتىنى قوزغىماق.

قوزۇق

  • قوزۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر ياكى تام قاتارلىقلارغا قېقىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇچى ئۇچلۇق ياغاچ ياكى تۆمۈر تاياقچە.

قوزۇقلۇق

  • قوزۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قوزۇق بار، قوزۇق قېقىلغان، قوزۇق بېكىتىلگەن.[يەشمىسى:] ② قوزۇق ئۈچۈن تەييارلانغان؛ قوزۇق قىلسا بولىدىغان، مۇۋاپىق كېلىدىغان:[مىسال:] قوزۇقلۇق ياغاچ.

قوزۇقۋاغ

  • قوزۇقۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوزۇق+باغ[[يەشمىسى:] يىپ، تانا، ئارغامچا قاتارلىقلارنى يۇمىلاق ھالقا شەكلىدە قىلىپ، ئىككى ئۇچىدىن تارتىپ چىڭىتىدىغان بىر خىل باغلاش.

قوزىچاق

  • قوزىچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك قوزا.

قوزىقۇلاق

  • قوزىقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوزا+قۇلاق[[يەشمىسى:] «پالەك»كە قاراڭ.

قوزىلاتماق

  • قوزىلاتماق[يەشمىسى:] «قوزىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوزىلىق

  • قوزىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوزىسى بار، قوزا ئەگەشتۈرگەن:[مىسال:] قوزىلىق قوي.

قوزىلىماق

  • قوزىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوزا تۇغماق:[مىسال:] ئۇ ساغلىق قوزىلاپ بولۇپلا ئۆلۈپ قالدى.

قوزىۋاي

  • قوزىۋاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوزا+باي[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاۋۇزنىڭ تەملىك، شېرىن بىر خىل سورتى. مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق، تەكىيىگە ئوخشايدۇ.

قوشⅠ

  • قوشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۈپ ياكى ئىككى:[مىسال:] قوش ئەستەر. دۆلەت كەلسە قوش كەپتۇ، بالا كەلمىسۇن (ماقال).

قوش تىرناق

  • قوش تىرناق[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تىنىش بەلگىسى. ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناقتىن نىسبەتەن چوڭ، بەلگىسى («»).

قوش چىكىت

  • قوش چىكىت[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بايان قىلىنىدىغان بۆلەك ئالدىغا قويۇلىدىغان تىنىش بەلگىسى. بەلگىسى (:).

قوش يۆتەل

  • قوش يۆتەل[يەشمىسى:] قاتتىق يۆتەلگەندە ئارقا تەرەپتىن يۆتەل بىلەن تەڭ ئىختىيارسىز چىقىپ كەتكەن غەيرىي ئاۋاز.

قوشⅡ

  • قوشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېھقانچىلىقتا يەر ھەيدەشسسا، ساپان قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى:[مىسال:] قوشقا قاتماق. قوش ھەيدىمەك. * ئۇنداق بولسا، ئىككى قوش چىقىرىپ بىر كۈندىلا ھەيدىۋەتسەڭ بولىدىكەن، دېدى ئابدۇرىشىت.

قوش چىقماق

  • قوش چىقماق[يەشمىسى:] تېرىلغۇ ئىشلىرى باشلانماق، تېرىلغۇ باشلىنىپ بولماق:[مىسال:] جەنۇبىي شىنجاڭدا 2-ئاينىڭ 20 لىرىدىن كېيىن قوش چىقىدۇ.

قوشⅢ

  • قوشⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەربىي يۈرۈش ۋە كوللېكتىپ سەپەرلەردە ۋاقىتلىق تۇرالغۇ، قونالغۇ قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان جاي، قارارگاھ، چېدىر. [يەشمىسى:] ② كارۋانلار يول يۈرۈپ توختىغان جايدا قونۇش ئۈچۈن ئېلىپ يۈرىدىغان كىگىز ئۆي، چېدىر:[مىسال:] تۆگىچىلەر قوشى قاپچىغاينىڭ تۆۋىنىدىرەك ئىدى.

قوشⅣ

  • قوشⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نور.

قوشئاتار

  • قوشئاتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوش+ئاتار[[يەشمىسى:] قوش ئېغىزلىق، قوش ئاۋازلىق مىلتىق.

قوشاق Ⅰ

  • قوشاق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە چېتىلغان، قوشۇلغان:[مىسال:] بىر قوشاق ئۇلاغ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئارغامچا بىلەن ئۆزئارا چېتىلىپ باغلانغان ئۇلاغلار:[مىسال:] ئۇلار قوشاقنى ئىككى قىلىپ قاسىمنىڭ خامىنىنى بۈگۈنلا تېپىپ، سورۇپ ئېلىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتاتتى.

قوشاقⅡ

  • قوشاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] كۆپىنچە يەتتە بوغۇملۇق، تۆت مىسرالىق بولىدىغان، رىتىم ۋە ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، سۆزلىرى ئاددىي ئەمما جانلىق، ئوبرازلىق، ناخشا قىلىپ ئوقۇشقا ئەپلىك بىر خىل شېئىرىي ئەسەر:[مىسال:] خەلق قوشاقلىرى. سادىر پالۋان قوشاقلىرى.

قوشاقچى

  • قوشاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوشاق توقۇيدىغان ھەم قوشاق ئېيتىدىغان كىشى، قوشاق ئېيتقۇچى:[مىسال:] ھەممەيلەن سۆيۈملۈك خەلق قوشاقچىسىنى قۇچاقلاشتى.

قوشاقچىلىق

  • قوشاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوشاق توقۇش، قوشاق ئېيتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] تۈركلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق قوشاقچىلىق، داستانچىلىق ئەنئەنىسى ھېلىمۇ كەڭ داۋام قىلماقتا.

قوشاقداتماق

  • قوشاقداتماق[يەشمىسى:] «قوشاقدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوشاقداشماق

  • قوشاقداشماق[يەشمىسى:] «قوشاقدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قوشاقدالماق

  • قوشاقدالماق[يەشمىسى:] «قوشاقدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قوشاقدىماق

  • قوشاقدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە چېتىپ قوشاق قىلماق:[مىسال:] بىز ئۇلاغلارنى قوشاقداپ خامانغا قوشقۇدەك قىلىپ قويغانىدۇق.

قوشام

  • قوشام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① دەرەخ ۋە يۇلغۇننىڭ شاخلىرى.[يەشمىسى:] ② دەرەخ ياكى يۇلغۇن شاخلىرىدىن قىلىنغان قاشا.

قوش-جابدۇق

  • قوش-جابدۇق[يەشمىسى:] يەر تېرىغاندا لازىم بولىدىغان قوش ۋە باشقا تۈرلۈك لازىمەتلىكلەر؛ قوش ۋە جابدۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئات-كالا ھەم قوش-جابدۇقلىرى ھەتتا تۇخۇم تۇغۇپ بېرىدىغان بىرەر تۇخۇسىمۇ يوق ئىدى.

قوشچى

  • قوشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىقچىلىق مەزگىلىدە مەخسۇس قوش ھەيدەشكە بەلگىلەنگەن كىشى، قوش ھەيدىگۈچى.

قوش-قوش

  • قوش-قوش[يەشمىسى:] «قوشⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قوش-قوش كېلىۋاتقان ھەربىي ئاپتوموبىللىرىغا قاراپ بوۋايلارنىڭ يۈرىكى ئەنسىز دۈكۈلدەشكە باشلىدى.

قوش-قوشلاپ

  • قوش-قوشلاپ[يەشمىسى:] جۈپ-جۈپى ياكى توپ-توپى بىلەن، ئارقا-ئارقىدىن، ئۈزۈلمەي:[مىسال:] بۇنداق قوش-قوشلاپ كېلىۋاتقان ئامەتلەر ئۇنىڭ بېشىنى ئاسمانغا تاقاشتۇرۇپ قويغانىدى.

قوشقۇچى

  • قوشقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوشۇش رولىنى ئوينايدىغان، قوشىدىغان:[مىسال:] قوشقۇچى توقۇلما.

قوشكېزەك

  • قوشكېزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوش+كېزەك[[يەشمىسى:] ① بىرلا قېتىمدا ئارقا-ئارقىدىن تۇغۇلغان ئىككى كىچىك جانلىق (بوۋاق، قوزا قاتارلىقلار):[مىسال:] قوشكېزەك تۇغماق. ∥ قاسىم ئۇ قوشكېزەك قوزىلاردىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئايرىلماس يېقىن دوست، جۈپ، ھەمراھ، يولداش:[مىسال:] ھەر ۋاقىتتا، ئۆز ئىشىمىزدا سۈرئەت بىلەن سۈپەت قوشكېزەك بولۇشى كېرەك.

قوشلاپ

  • قوشلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قوش قىلىپ، بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇپ:[مىسال:] قوشلاپ ئالماق.

قوشلاپ-قوشلاپ

  • قوشلاپ-قوشلاپ[يەشمىسى:] «قوشلاپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] خېمىر باتۇر يىرتقۇچلارنى قوشلاپ-قوشلاپ باغلاپ، بوۋاينىڭ ئالدىغا ئاپېرىپتۇ.

قوشلاق

  • قوشلاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «قوشماقⅠ»گە قاراڭ:[مىسال:] قوشلاق غوزا.

قوشلىماق

  • قوشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوش-قوش قىلماق، كۆپەيتمەك، ھەسسىلىمەك:[مىسال:] قوشلاپ دەرد كەلمەك.

قوشما

  • قوشما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزئارا بىرلەشكەن، قوشۇلغان ياكى بىرلەشكەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان:[مىسال:] قوشما بايانات. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى.

قوشماقⅠ

  • قوشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوپمۇئوخشاش بىر جۈپ؛ بىر-بىرىگە چاپلىشىپ تۇرغان بىر جۈپ:[مىسال:] قوشماق مېغىز. قوشماق نەشپۈت. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇناسىۋىتى بەك يېقىن، ئايرىلماس، جانجىگەر، ئۆزئارا ۋاپادار:[مىسال:] قوشماق ئاداش بولماق.

قوشماقⅡ

  • قوشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مات<[يەشمىسى:] قوشۇش ئەمىلىنى بېجىرمەك؛ جەملىمەك، جەم قىلماق:[مىسال:] بىرگە ئىككىنى قوشسا نەچچە بولىدۇ [يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە باشقا بىرنەرسىنى ئارىلاشتۇرماق ياكى سالماق:[مىسال:] سۈتكە سۇ قوشماق.[يەشمىسى:] ③ پارچە-پارچە، ئالاھىدە مۇستەقىل بولغان نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلماق، بىرلەشتۈرمەك:[مىسال:] قوشماق تەس، ئايرىماق ئاسان (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەقدىم قىلماق، بېغىشلىماق، چىقارماق، سەرپ قىلماق:[مىسال:] تۆھپە قوشماق.[يەشمىسى:] ⑤ ئاشۇرماق، كۆپەيتمەك، ئارتتۇرماق:[مىسال:] خۇشاللىق قوشماق.[يەشمىسى:] ⑥ سالماق، چىقارماق (مەبلەغ، دەسمايە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] مەبلەغ قوشماق.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوشۇمچە قىلماق؛ قىستۇرماق (پىكىر، گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] گەپ قوشماق.[يەشمىسى:] ⑧ ئات، ئېشەك قاتارلىق ئەمگەك ھايۋانلىرىنى ھارۋا، قوش، چانا قاتارلىق ئەمگەك ياكى قاتناش بۇيۇملىرىغا بەلگىلىك قائىدە بويىچە جايلاشتۇرماق، تىركىمەك، قاتماق:[مىسال:] ئاتنى ھارۋىغا قوشماق.[يەشمىسى:] ⑨ توقۇماق، ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئوقۇماق، يازماق، تۈزمەك (قوشاق-نەزمىلەر ھەققىدە):[مىسال:] قوشاق قوشماق.[يەشمىسى:] 01 بىرگە ئىشلەش، بىرگە ھەرىكەت قىلىش ياكى ھەمكارلىشىش، ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن بەلگلىمەك، ماڭدۇرماق؛ ھەمراھ قىلماق، شېرىك قىلماق:[مىسال:] ماقۇل كۆرسەڭ كارۋانلارغا قوشۇپ قوياي، بىللە كەتكىن.[يەشمىسى:] 11 ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقۇزماق، مەڭگۈلۈك ھەمراھ قىلماق، بىر ياستۇققا باش قويدۇرماق، ئەر-ئايال قىلماق:[مىسال:] تەقدىر بىزنى بىر يەرگە ئەكېلىپ بىر-بىرىمىزگە قوشۇپ قويدى.

قوشنا

  • قوشنا [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي-جايى يېقىن، يانمۇيان، يانداش بولغان كىشىلەر؛ ئۆيىگە يانداپ ئۆي سالغان ياكى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ئولتۇرغان كىشى:[مىسال:] يامانغا گۆردىمۇ قوشنا بولما (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك ئىش-ئەمگەك ۋە پائالىيەتلەردە ئۆزئارا يانمۇيان، يېقىن يەردە ئىشلىگۈچىلەر، ئىش ئورنى يانمۇيان بولغان كىشىلەر. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يانمۇيان تۇرغان، جايلاشقان، چېگرىداش، بىر-بىرىگە يېقىن:[مىسال:] يىغىندا قوشنا يېزا-كەنتلەردىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىدى.

قوشنا-قولۇم

  • قوشنا-قولۇم[يەشمىسى:] «قولۇم-قوشنا»غا قاراڭ.

قوشنىچىلىق

  • قوشنىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قوشنىدارچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] قوشنىچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلماق.

قوشنىدارچىلىق

  • قوشنىدارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوشنىلىق مۇناسىۋىتى، قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت:[مىسال:] قوشنىدارچىلىق قىلماق.

قوشنىلىق

  • قوشنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قوشنىدارچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] نەدىن بىلسۇن قوشنىلىق، قۇدىلىققا كۆچكەننى قىزنىڭ چېچى يىگىتكە سالما بولۇپ چۈشكەننى

قوشۇش

  • قوشۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جەملەش، بىرلەشتۈرۈش. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] قوشۇش ئەمىلى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] خىمىيىۋى رېئاكسىيە ئارقىلىق تەركىبى ئاددىيراق بولغان ماددىنى تەركىبى مۇرەككەپ بولغان ماددىغا ئۆزگەرتىش.

قوشۇشماق

  • قوشۇشماق[يەشمىسى:] «قوشماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قوشۇقⅠ

  • قوشۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوشۇلغان، قوشۇپ قويۇلغان؛ بىرلەشتۈرۈلگەن؛ ئارىلاشتۇرۇلغان، سېلىنغان:[مىسال:] قوشۇق نان.

قوشۇقⅡ

  • قوشۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاش-تاماقلارنى يېيىش، ئىچىش ئۈچۈن ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان چۆمۈچسىمان سايمان.

قوشۇقچى

  • قوشۇقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوشۇق ياساپ سېتىشنى كەسىپ قىلغان كىشى.

قوشۇقچىلىق

  • قوشۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوشۇق ياساپ سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] بۇ بوۋاي ئون نەچچە يىلدىن بېرى قوشۇقچىلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.

قوشۇقسىمان

  • قوشۇقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى قوشۇقنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ قالىدىغان، قوشۇق شەكىللىك.

قوشۇقلاپ

  • قوشۇقلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قوشۇق بىلەن، قوشۇققا ئېلىپ، قوشۇق ئارقىلىق:[مىسال:] خەدىچە خانىم سۇنى ئىسسىتىپ قوشۇقلاپ بالىغا ئىچۈرۈشكە باشلىدى.

قوشۇقلۇقⅠ

  • قوشۇقلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوشۇلغان، قوشۇپ قويۇلغان، بىرلەشتۈرۈلگەن؛ ئارىلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] بىز كەلگەندە جەدە ئات ھارۋىغا قوشۇقلۇق تۇراتتى.

قوشۇقلۇقⅡ

  • قوشۇقلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قوشۇق سېلىپ قويىدىغان، قوشۇق ساقلايدىغان:[مىسال:] قوشۇقلۇق سېۋەت.[يەشمىسى:] ② قوشۇق ياسىلىدىغان، قوشۇق ياساشقا يېتىدىغان، قوشۇق چىقىدىغان:[مىسال:] 15 قوشۇقلۇق كۆتەك.

قوشۇقلىماق

  • قوشۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوشۇق بىلەن ئالماق، ئۇسماق.

قوشۇلغۇچى

  • قوشۇلغۇچى [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوشۇلىدىغان:[مىسال:] قوشۇلغۇچى سان. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئۆزئارا قوشۇلىدىغان سانلارنىڭ ھەربىرى. مەسىلەن، a+b+c دىكى c,b,a لار قوشۇلغۇچىلاردۇر.

قوشۇلما

  • قوشۇلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوشۇلغان، قوشۇلىدىغان:[مىسال:] قوشۇلما ئاۋاز. قوشۇلما فرونت.

قوشۇلماق

  • قوشۇلماق[يەشمىسى:] ① «قوشماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② ماقۇل بولماق، رازى بولماق، ئۇنىماق:[مىسال:] مەن سېنىڭ پىكرىڭگە قوشۇلىمەن.

قوشۇلۇشماق

  • قوشۇلۇشماق[يەشمىسى:] «قوشۇلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارمۇ ئىلاجسىز ھاشارچىلار قاتارىغا قوشۇلۇشتى.

قوشۇما

  • قوشۇما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇرۇننىڭ ئۈستىدىكى، ئىككى قاش ئارىلىقىدىكى ئورۇن:[مىسال:] قوشۇمىسىنى تۈرمەك. ∥ قوشۇما قاش.

قوشۇمچە

  • قوشۇمچە [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بار، مەۋجۇت نەرسە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇلىدىغان ياكى ئۇلارنى تولدۇرىدىغان:[مىسال:] قوشۇمچە ئەمگەك. قوشۇمچە مەھسۇلات. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوشۇلىدىغان، تولۇقلايدىغان نەرسە، ئىش-ھەرىكەت، سۆز ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] نېرۋا ئاجىزلىقىنى داۋالاش ئاساسەن كېسەلنىڭ ئۆزىگىمۇ باغلىق. دورا دېگەن قوشۇمچە. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزنىڭ تومۇر ياكى ئۆزەك قىسمىغا قوشۇلۇپ، تۈرلەش ياكى سۆز ياساش رولىنى ئوينايدىغان ئېلېمېنت:[مىسال:] سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە. سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاساسلىق بولمىغان، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۆلەك، تارماق، ئىش-ھەرىكەت، نەرسە، ھادىسە قاتارلىقلار:[مىسال:] سۇ چىقىرىش تومىسى ئاساس، تەڭشەش تومىسى قوشۇمچە.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتاب، لۇغەت قاتارلىقلاردىكى تېكىستنىڭ ئارقا تەرىپىگە بېرىلىدىغان ۋە تېكىست بىلەن ئالاقىدار بولغان ماقالە ياكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى؛ ئىلاۋە.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئاساسلىق ئىشنىڭ سىرتىدا، ئىشتىن سىرت:[مىسال:] مال باقىمەن قوشۇمچە، قوتىنىمدا ئىككى ئۇي. ئۇندىن باشقا تۆت ئېشەك، ئىككى ئۆچكە، 30 قوي.

قوشۇمچىسىز

  • قوشۇمچىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوشۇمچىسى يوق، قوشۇمچە ئۇلانمىغان؛ قوشۇمچىدىن خالىي:[مىسال:] بۇ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەسلىنى ھېچقانداق سىرتقى قوشۇمچىسىز ھالدا چۈشىنىشتىن ئىبارەت.

قوشۇمچىلىق

  • قوشۇمچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوشۇمچىسى بار، قوشۇمچە ئۇلانغان، قوشۇمچە قوشۇلغان.

قوشۇمچىلىماق

  • قوشۇمچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوشۇمچە قىلماق، قوشۇپ قويماق:[مىسال:] بۇ كىشى بىزنىڭ ھەمراھىمىز، قىسقا چاچلىق، ئاق سېرىق ئادەم قوشۇمچىلىدى.

قوشۇن

  • قوشۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قوراللىق كۈچلەر توپى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسمى؛ ئارمىيە. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم ساھە ياكى مەلۇم مەسلەكتىكى كىشىلەرنىڭ تەشكىللىك رەۋىشتە شەكىللەندۈرگەن سېپى، كوللېكتىپى؛ ساھە:[مىسال:] ئىشچى-دېھقانلار قوشۇنى. زىيالىيلار قوشۇنى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى.

قوشۇۋا

  • قوشۇۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىر خىل تاغ ئوتى. گۈلى چوڭ قوشۇقتەك يوغان بولۇپ، قىپقىزىل ئېچىلىدۇ. چېچىكى يالاڭ (قوش ئەمەس)، يوپۇرمىقى تۆرۈكرەك (يۇمىلاقراق) كېلىدۇ. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ.

قوغ

  • قوغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سامان قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرگەندە ھاسىل بولىدىغان چوغ:[مىسال:] قىيامەت كۈنى دوزىخىيلەر ئۈچۈن يەر چوغ. ئاسمان قوغ بولىدۇ.

قوغاچاي

  • قوغاچاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىياق ئائىلىسىنىڭ بىر چوڭ ئۇرۇقدىشى، دۇنيادا 1500 2000 خىل تۈرى بار. ھەممىسى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، زىچ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك.

قوغداتماق

  • قوغداتماق[يەشمىسى:] «قوغدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوغداشماق

  • قوغداشماق[يەشمىسى:] «قوغدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قوغدالماق

  • قوغدالماق[يەشمىسى:] «قوغدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نېمىلا بولمىسۇن، ئىنقىلاب مېۋىسى قوغدىلىپ قالدى.

قوغدانماق

  • قوغدانماق[يەشمىسى:] «قوغدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

قوغدىغۇچى

  • قوغدىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغداش ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ياكى شۇنداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان كىشى:[مىسال:] بۇ چاغدا قوغدىغۇچىلار تامامەن ھازىر بولۇپ بولغانىدى.

قوغدىماق

  • قوغدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماق؛ ھىمايە قىلماق، مۇداپىئە قىلماق، يان باسماق:[مىسال:] قەپەسنى ئۈچ-تۆتتەك قوراللىق ساقچى قوغداۋاتاتتى.

قوغدىنىش

  • قوغدىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى قوغداش:[مىسال:] قوغدىنىش كىيىمى.

قوغلاتماق

  • قوغلاتماق[يەشمىسى:] «قوغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قوغلاشماق

  • قوغلاشماق[يەشمىسى:] ① «قوغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى ئىزدىمەك، شۇنىڭ ئارقىسىدا يۈرمەك:[مىسال:] مەنپەئەت قوغلاشماق.

قوغلاندى

  • قوغلاندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىنايەت، خاتالىق، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن قوغلانغان، سۈرگۈن قىلىنغان كىشى؛ سۈرگۈن:[مىسال:] قوغلاندى بولماق.

قوغلانماق

  • قوغلانماق[يەشمىسى:] «قوغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قوغلىغۇچى

  • قوغلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، قوغلاپ زەربە بېرىدىغان، قوغلايدىغان:[مىسال:] قوغلىغۇچى ئايروپىلان. قوغلىغۇچى پاراخوت.

قوغلىما

  • قوغلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوغلايدىغان؛ قوغلاپ يۈرۈپ يورۇقلۇق چۈشۈرىدىغان (يورۇقلۇق، نۇر ھەققىدە):[مىسال:] قوغلىما سىۋىت.

قوغلىماق

  • قوغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاچقان نەرسىگە يېتىشىش، ئۇنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن تېز سۈرئەت بىلەن ئارقىسىدىن ماڭماق، يۈگۈرمەك:[مىسال:] قاچقانمۇ خۇدا دەيدۇ، قوغلىغانمۇ خۇدا دەيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىر ئورۇندىن باشقا بىر تەرەپكە ياكى جايغا ھەيدىمەك، سۈرمەك، مېڭىشقا مەجبۇر قىلماق، مەجبۇرىي ھالدا كەتكۈزۈۋەتمەك، سۈرگۈن قىلماق:[مىسال:] تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ بىرەر سەپتىن، قاتاردىن چېكىندۈرمەك، جازا بېرىپ قالدۇرماق، ھەيدىمەك، چىقىرىۋەتمەك:[مىسال:] ئۇلار مەنسۇرنى پارتىيىدىن قوغلىدى.[يەشمىسى:] ④ سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ تۇتۇش ياكى شۇ نەرسىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئىزدىمەك، جىددىي ئاختۇرماق:[مىسال:] ئىز قوغلىماق.

قوغۇشۇن

  • قوغۇشۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Plumbum) Pb. كۈل رەڭ، يۇمشاق ئەمما ئېغىر، سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە، ئاسان ئوكسىدلىنىدۇ. قېتىشما، باتارىيە ۋە قېرىنداش ئۇچى قاتارلىقلارنى ياساشتا ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

قوغۇشۇنلۇق

  • قوغۇشۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە قوغۇشۇن بولغان ياكى قوغۇشۇن قوشۇلغان، سۈركەلگەن:[مىسال:] قوغۇشۇنلۇق ئەينەك.

قوغۇن

  • قوغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدىكى شىرنىلىك مېۋە بولۇپ، يۈزى سىلىق، تەمى تاتلىق، خۇش پۇراق كېلىدۇ. خىللىرى كۆپ بولۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

قوغۇن-تاۋۇز

  • قوغۇن-تاۋۇز[يەشمىسى:] قوغۇن ۋە تاۋۇز.

قوغۇنچى

  • قوغۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغۇن تېرىپ ئۆستۈرۈش ياكى ئۇنى ئېلىپ-سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.

قوغۇنچىلىق

  • قوغۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغۇن تېرىش، ئۇنى ئېلىپ-سېتىش ئىشى، كەسپى.

قوغۇن-قاپاق

  • قوغۇن-قاپاق[يەشمىسى:] قوغۇن، قاپاق، تاۋۇز، كاۋىغا ئوخشاش پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر.

قوغۇنگۈل

  • قوغۇنگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوغۇن+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «سېسىقيار»غا قاراڭ.

قوغۇنلۇق

  • قوغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغۇن تېرىلغان يەر:[مىسال:] ئۇلار يۈگۈرۈپ دېگەندەك قوغۇنلۇققا كەلدى.

قوقاس

  • قوقاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆچۈشكە ئاز قالغان، كۈل ئارىلاش كەلگەن چوغ.

قوقاق

  • قوقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تېرە كېسىلى. بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە كالپۇك ئەتراپىغا چىقىدۇ. بۇنىڭدا مەلۇم ئورۇن دەسلەپ قىچىشىپ، كېيىن سۇلۇق قاپارتقۇلار پەيدا بولىدۇ. ئىچىدە سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولىدۇ، سەل-پەل ئاغرىتىدۇ، بىر-ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن قاقاچ باغلاپ، كېيىن ئۆزلۈكىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

قوقىقى تۇتماق

  • قوقىقى تۇتماق[يەشمىسى:] تۇرۇپلا ئاچچىقلانماق، خاپا بولماق:[مىسال:] يەنە نىمىشقا قوقىقى تۇتۇپ قالدىكىنە، دېدى پاتىمە پىچىرلاپ.

قوقىقى قورۇماق

  • قوقىقى قورۇماق[يەشمىسى:] كەيپى بۇزۇلۇپ خۇشى كەتمەك، خۇيى تۇتماق، ئاچچىقى، خاپىلىقى كۈچەيمەك:[مىسال:] ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا، قوقىقىم قورۇپ، ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچىدىغان بولۇپ كەتتى.

قوقاقلىق

  • قوقاقلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوقاق يارىسى چىققان، قوقاق باسقان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇرۇپلا ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان خۇي، خاراكتېر.

قوقۇناق

  • قوقۇناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇي، خاپىلىق، نارازىلىق، كۆڭۈلسىزلىك:[مىسال:] قوقۇناقلىرى تۇتماق.

قوقانگۈل

  • قوقانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى، خىلمۇخىل رەڭدە ئېچىلىدىغان، پۇراقسىز، ئوتسىمان ئۆسۈملۈك.

قوڭ

  • قوڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ ئاشقازاندا ھەزىم بولۇپ بولۇنغان يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىش يولى. ئۇ ئىككى كاسا ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتە «چوڭ تەرەت يولى»، «ئارقا تەرەت يولى»مۇ دېيىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② مېۋە-چېۋە ۋە سەي-كۆكتاتلارنىڭ ساپاق تەرىپى:[مىسال:] قوغۇننىڭ قوڭىنى ئېلىۋەتمەك. چامغۇرنىڭ قوڭىنى ئېلىۋەتمەك.

قوڭى بوش

  • قوڭى بوش[يەشمىسى:] چىدامسىز، غەيرەت-شىجائىتى يوق، ئىرادىسىز:[مىسال:] ناھايىتى قوڭى بوش بالا بولۇپ قالدى بۇ، دېدى بوۋاي ئوغلىدىن نارازى بولۇپ.

قوڭى پوق

  • قوڭى پوق[يەشمىسى:] ئىش تېرىپ قويغان، مەسىلىسى بار، قىلمىشى بار:[مىسال:] باشلىقىمىزنىڭ قوڭى پوق، شۇڭا ئۇلارغا يول قويىدۇ، دېدى ئارىدىن بىرى ئاستا ئۇنى شەرەتلەپ.

قوڭى چىڭ

  • قوڭى چىڭ[يەشمىسى:] چىداملىق، بىر ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقمىغۇچە ھەرىكەتتىن توختىمايدىغان، ئىرادىلىك، غەيرەتلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ خېلى قوڭى چىڭ، بۇ ئىشنى جەزمەن بىر باشقا ئېلىپ چىقىدۇ.

قوڭىنى قويالماي قالماق

  • قوڭىنى قويالماي قالماق[يەشمىسى:] خاتىرجەملىكى، كۆڭۈل ئازادىلىكى بۇزۇلماق، تىنچسىزلانماق:[مىسال:] كۈنلەردىن بىركۈنى قىز قورساق كۆتۈرۈپتۇ. پادىشاھنىڭ ئاۋۋالقى خوتۇنلىرى قوڭىنى قويالماي قاپتۇ.

قوڭىنى كوچىلىماق

  • قوڭىنى كوچىلىماق[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئىزدەپ يۈرمەك:[مىسال:] ۋىيەي، خەقنىڭ قوڭىنى كوچىلىغۇچە، گېلىڭىزغا كىرگەن ئاشنى يەپ ئىشىڭىزنى قىلىڭا دېدى ئايالى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.

قوڭالتاق

  • قوڭالتاق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يالاڭ، ھېچقانداق بىرنەرسە يۆگىمەيلا، پايپاق ياكى پايتىمىسىزلا، يالىڭاچ ھالدا:[مىسال:] ئۇ كالتا قونچلۇق ئۆتۈكىنى قوڭالتاقلا كىيىپ تالاغا يۈگۈردى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچقانداق ئىقتىسادىي كۈچى يوق، نامرات ئادەم، يالاڭ تۆش:[مىسال:] بۇ خۇلاسە خاتا، ھىمىت يەنە ئولتۇرالمىدى، ھاشىم-پاشىم دەيدىغان قوڭالتاقلارنى ماڭا چېتىشقا بولمايدۇ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىقتىدارسىز، يارامسىز:[مىسال:] غادىيىۋەرسەڭ، ساتتار چوڭ داداڭدەك قوڭالتاق باشلىق بولۇپ قالىسەن، دېدى ئايال ھاسىراپ تۇرۇپ.

قوڭچى

  • قوڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قوڭىنى ساتىدىغان پەس، ناكەس» دېگەن مەنىدىكى تىل-ھاقارەت سۆزى.

قوڭغۇراق

  • قوڭغۇراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سىلكىنگەندە، ئىچىدىكى تىلى يانلىرىغا تېگىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان كونۇس شەكلىدىكى مېتال ئەسۋاب:[مىسال:] ئارقا تەرەپتىن ھارۋا قوڭغۇراقلىرىنىڭ شوخ جاراڭلىشى ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ② ئاۋاز چىقىرىپ سىگنال بېرىدىغان ھەرقانداق ئەسىلھە؛ سىگنال:[مىسال:] تېلېفون قوڭغۇرىقى.

قوڭغۇراقتىكەن

  • قوڭغۇراقتىكەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوڭغۇراق+تىكەن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. ئېگىزلىكى 5.0 2 مېتىر. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقىنىڭ ئۇچىدا ئۇچلۇق كىچىك تىكىنى بار. تەگ يوپۇرمىقى ياكى يوپۇرماق ئوقى تىكەنگە ئۆزگەرگەن. گۈلى سۇس سۆسۈن. چوكا مېۋىسى ئېللىپس شەكىللىك، كۆپكەن ھالەتتە بولىدۇ.

قوڭغۇراقچى

  • قوڭغۇراقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەكتەپ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلاردا قوڭغۇراق چېلىشقا مەسئۇل بولغان كىشى.

قوڭغۇراقسىمان

  • قوڭغۇراقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوڭغۇراققا ئوخشايدىغان، قوڭغۇراق شەكلىدىكى.

قوڭغۇراقگۈل

  • قوڭغۇراقگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوڭغۇراق+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① قوڭغۇراقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. شەكلى قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، بەلغەم بوشىتىش ۋە يۆتەل توختىتىش رولىغا ئىگە. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

قوڭغۇراقلىق

  • قوڭغۇراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قوڭغۇرىقى بار، قوڭغۇراق ئاسقان:[مىسال:] قوڭغۇراقلىق ھارۋا. قوڭغۇراقلىق ئىت.[يەشمىسى:] ② قوڭغۇراق ئېسىپ ئوينايدىغان:[مىسال:] قوڭغۇراقلىق ئۇسسۇل.

قوڭغۇراقۋاش

  • قوڭغۇراقۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوڭغۇراق+باش[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن. يوپۇرمىقى يىپسىمان كېلىدۇ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

قوڭغۇز

  • قوڭغۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ ئورتاق نامى. تېنىنىڭ سىرتىدا قاتتىق قېپى بولىدۇ. ئالدىنقى قانىتى مۈڭگۈز ماددىلىق، قېلىن ھەم قاتتىق؛ ئارقا قانىتى پەردىلىك.

قوڭقا

  • قوڭقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەرنىڭ ئادەم ئولتۇرىدىغان ئويمان جايى.

قوڭۇر

  • قوڭۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاز مىقداردا يېشىل بىلەن قىزىلنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ھاسىل بولغان، كۆرۈنۈشى دەرەخنىڭ پورىغا ئوخشاش، پور:[مىسال:] قوڭۇر رەڭ.

قوڭىيوغان

  • قوڭىيوغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوڭ+ى+يوغان[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] «چىيقان»غا قاراڭ.

قول

  • قول [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىنىڭ بارماق ئۇچلىرىدىن يەلكىسىگىچە بولغان قىسمى، شۇ ئەزاسى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بارماق بىلەن ئالىقاننىڭ ئومۇمىي نامى؛ بارماق، پەنجە:[مىسال:] قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايىغى:[مىسال:] توشقان غانجۇغىغا باغلانغان ئالدى ئىككى قولىنى چىشى بىلەن چىشلەپ يەشمەكچى بولاتتى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس خەت يېزىش ئۇسلۇبى، ئىمزا:[مىسال:] بۇ سېنىڭ قولۇڭ بولماي كىمنىڭ قولى دېدى ئۇ.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىگىلىك، ئىلىك، تەۋەلىك، باشقۇرۇش، ئىختىيار:[مىسال:] ياخشى خوتۇن ئەرنىڭ قولىدا (ماقال).⑥ [يەشمىسى:] مىقدار سۆز بولۇپ كېلىپ «قېتىم، رەت، نۆۋەت، مەيدان» دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] قارتىچىلار يەنە سەككىز-توققۇز قول ئوينىغاندىن كېيىن تارقىلىشتى.

قول باغلاشماق

  • قول باغلاشماق[يەشمىسى:] قارشى تەرەپ بىلەن بىرەر نەرسىنى شەرت قىلىپ ۋەدىلەشمەك؛ شەرتلەشمەك؛ تىكىشمەك:[مىسال:] ئۇ دائىم بالىلار بىلەن قول باغلىشىپ نېنىنى ئۇتۇۋالىدۇ.

قول تارتماق

  • قول تارتماق[يەشمىسى:] يانماق، چېكىنمەك، ۋاز كەچمەك، مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەك:[مىسال:] ئۇ يەنىلا بۇ ئىشتىن قول تارتمىغانىدى.

قول تەگكۈزمەك

  • قول تەگكۈزمەك[يەشمىسى:] ① ئۇرماق، تۇتماق:[مىسال:] زىۋىرشا نېمە قىلالىسۇن، بۇ ئايالغا قول تەگكۈزگىلى بولاتتىمۇ.[يەشمىسى:] ② ئوغرىلىماق:[مىسال:] ئۇلار سابىرنى «ئامبارغا قول تەگكۈزدى» دېگەنگە ئىشەنمەيتتى.

قول تۇتماق

  • قول تۇتماق[يەشمىسى:] كۆپ ۋاقىتنى ئالماق، ۋاقىت كەتمەك:[مىسال:] قول تۇتىدىغان بەزى ئىشلار ئۇلارنى خېلى ئاۋارە قىلدى.

قول تىقماق

  • قول تىقماق[يەشمىسى:] ئارىلاشماق، بىۋاسىتە قاتناشماق:[مىسال:] بۇ لەيلىگۈل بېيجىڭدىن كەلگەندىن كېيىن ئۆزى قول تىقىپ كۆيۈپ-پىشىپ ئىشلىگەن خىزمەت ئىدى.

قولغا تۈكۈرمەك

  • قولغا تۈكۈرمەك[يەشمىسى:] غەيرەتكە كەلمەك، كۈچنى يىغماق.

قولغا قول، پۇتقا پۇت بولماق

  • قولغا قول، پۇتقا پۇت بولماق[يەشمىسى:] يېقىندىن ياردەملەشمەك، داۋاملىق خىزمىتىنى قىلماق:[مىسال:] ئۇ مۇشۇ ئون نەچچە يىلدىن بېرى نۇردۇن ھاكىمنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ كېلىۋاتاتتى.

قولغا يېقىن

  • قولغا يېقىن[يەشمىسى:] ① ئىشلىتىشكە، پايدىلىنىشقا باب، ئەپلىك؛ ئاسانلا ئىشلەتكىلى، پايدىلانغىلى بولىدىغان:[مىسال:] بۇ قولغا يېقىن نەرسە، ئېلىۋالغىن، ئەسقېتىپ قالار، دېدى بوۋاي ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ.[يەشمىسى:] ② كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئاسان تاپقىلى بولىدىغان:[مىسال:] بۇنى قولغا يېقىنراق يەرگە قويغىن، دېدى ئۇ ماڭا پىچاقنى سۇنۇۋېتىپ.

قولنى چىشلەپ قالماق

  • قولنى چىشلەپ قالماق[يەشمىسى:] ئەپسۇسلانماق، پۇشايمان قىلماق، «خەپ» دەپ قالماق:[مىسال:] ئولتۇرۇۋېرىپ ئەتە-ئۆگۈن يەنە قولنى چىشلەپ قالىدىغان ئىش بولمىسۇن دېدى ئۇ بىزنى ئالدىرىتىپ.

قولنىڭ كىرى

  • قولنىڭ كىرى[يەشمىسى:] ئېتىبارى، ئەھمىيىتى يوق، ئەرزىمەس، قىممەتسىز نەرسە:[مىسال:] پۇل دېگەن ئوغۇل بالىنىڭ قولىنىڭ كىرى.

قولنىڭ ئۇچىدا

  • قولنىڭ ئۇچىدا[يەشمىسى:] كۆڭۈل بۆلمەي، يۈزەلا، ئەھمىيەت-ئېتىبار بەرمەيلا، يۈزەكى:[مىسال:] قولنىڭ ئۇچىدا ئىشلىمەك.

قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەسلىك

  • قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەسلىك[يەشمىسى:] تەڭ كېلەلمەسلىك، ياندىشالماسلىق، ناھايىتى كۆپ ئارقىدا قېلىش ياكى تۇرۇش:[مىسال:] ئابدۇللا قارىباي قولۇمغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ

قولى قىچىشماق

  • قولى قىچىشماق[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەك، بىرەر ھەرىكەت قىلىش ئىستىكى قوزغالماق.

قولى قىسقا

  • قولى قىسقا[يەشمىسى:] ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار، كەمبەغەل:[مىسال:] ئۆتكەندە قولۇم قىسقا بولغاچقا تويىمىزنى ۋاقتىدا قىلالمىدۇق.

قولى كەڭ

  • قولى كەڭ[يەشمىسى:] سېخىي، مەرد:[مىسال:] پىخسىق بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل.

قولى كەلمەك

  • قولى كەلمەك[يەشمىسى:] بىرەر ھۈنەر-سەنئەتنى ئىگىلىمەك، ئۆگىنىپ قالماق، بىلىۋالماق.

قولىنى يۇماق

  • قولىنى يۇماق[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن ئىخلاسى قايتىپ ئۇنى تاشلىماق، ئالاقىنى ئۈزمەك:[مىسال:] بۇ ئىشتىن قولۇمنى يۇسام بولغۇدەك.

قولى ئوچۇق

  • قولى ئوچۇق[يەشمىسى:] ھېچ نەرسىنى ئايىمايدىغان، پۇلنى دوست تۇتمايدىغان، سېخىي، مەرد:[مىسال:] قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق (ماقال).

قولى ئۇزارماق

  • قولى ئۇزارماق[يەشمىسى:] ئىقتىسادىي كۈچ-قۇۋۋىتى، ھال-كۈنى ياخشىلانماق:[مىسال:] كېيىنچە سەل قولىمىز ئۇزارسا، بىزمۇ يولىنى قىلىۋالارمىز.

قولى ئۇزۇن

  • قولى ئۇزۇن[يەشمىسى:] پۇلى بار، ئىقتىسادى ياخشى:[مىسال:] توغرا ئېيتتىڭىز، دېدى كەكىساقال كۈلۈمسىرەپ، نۇر ئاخۇننىڭ قولى ئۇزۇن، ئەمما ھازىر قولى يەتمەيدىغان بىر ئىشقا ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ.

قولى ئىچىگە ئېگىلمەك

  • قولى ئىچىگە ئېگىلمەك[يەشمىسى:] ئۆز مەنپەئىتىگە تارتماق، يېقىنلىرىغا، بۇرادەرلىرىگە يان باسماق:[مىسال:] قولى ئىچىگە ئىگىلمەيدىغان بەندە يوق.

قولاشماق

  • قولاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاملاشماق، ماسلاشماق، ئەپلەشمەك؛ مۇۋاپىقلاشماق (كۆپىنچە يوقلۇق شەكلىدە كېلىدۇ):[مىسال:] ئۇ سۆزلەشكە تەمشەلدى-يۇ، لېكىن ئاغزى گەپكە قولاشمىدى.

قول-ئاياغ

  • قول-ئاياغ[يەشمىسى:] قول ۋە ئاياغ، قول-پۇت.

قول-باش

  • قول-باش[يەشمىسى:] قول ۋە باش:[مىسال:] مېنىڭ قول باشلىرىم سىرقىراپ ئاغرىپ تۇرىدۇ، دېدى ئۇ ئورنىدىن ئاستا تۇرۇۋېتىپ.

قولباشچى

  • قولباشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قول+باش+چى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] باشلىق، رەھبەر، قوماندان:[مىسال:] ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قولباشچىسى ئەخمەتجان قاسىمى شۇنداق دېگەن.

قول-پۇت

  • قول-پۇت[يەشمىسى:] قول ۋە پۇت.

قولتارتقۇ

  • قولتارتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قول+تارتقۇ[[يەشمىسى:] بالىنى بۆشۈككە بۆلىگەندە، بالىنىڭ پۇت-قوللىرىنى تېڭىپ قويىدىغان ئۇزۇنچاق، كەڭ لاتا.

قولتۇق

  • قولتۇق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قول بىلەن مۈرە تۇتاشقان جاينىڭ ئاستىنقى ئويمان قىسمى:[مىسال:] قولتۇق پۇراش. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىملەرنىڭ شۇ جايغا توغرا كېلىدىغان قىسمى:[مىسال:] چاپاننىڭ قولتۇقى. كۆڭلەكنىڭ قولتۇقى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىق ئورگانىزملارنىڭ شۇ خىل شەكىلدىكى قىسمى:[مىسال:] قولتۇق بىخ. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دېڭىز، دەريا قاتارلىقلارنىڭ قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ياكى ئەگىلگەن قىسمى؛ كۆرپەز:[مىسال:] دېڭىز قولتۇقى. دەريا قولتۇقى.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ، ساي، توقاي، يار ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ قولتۇق شەكلىدىكى قىسمى:[مىسال:] تاغ قولتۇقى.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، نەرسىلەرنىڭ قولتۇققا قىسقۇدەك دەرىجىدىكى مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قولتۇق ئوتۇن.

قولتۇقىدىن تاۋۇزى چۈشۈپ كەتمەك

  • قولتۇقىدىن تاۋۇزى چۈشۈپ كەتمەك[يەشمىسى:] ئىشەنچى، ئۈمىدى يوققا چىقماق.

قولتۇقىغا كىرىۋالماق

  • قولتۇقىغا كىرىۋالماق[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئىشەنچىسىگە، ھىمايىسىگە، قانات ئاستىغا ئېلىشىغا ئېرىشىۋالماق، ھىماتىغا ئېرىشمەك:[مىسال:] ئۇ ئىشاننىڭ قولتۇقىغا كىرىۋالدى، سۇلتان بولسا، ئىشاننىڭ سۆزىنى رەت قىلالمايدۇ.

قولتۇقتاياق

  • قولتۇقتاياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قولتۇق+تاياق[[يەشمىسى:] ① زەخىملەنگەن كىشىلەر قولتۇقىغا تىرەپ، تايىنىپ ماڭىدىغان، يوقىرى تەرىپى قولتۇققا تىرەش ئۈچۈن مۇۋاپىق قىلىپ ياسالغان تاياق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يانتاياق، چۇماقچى:[مىسال:] ھەسەن دېگەن ياسىن بەگنىڭ قولتۇقتايىقى ئىدى.

قولتۇقلاتماق

  • قولتۇقلاتماق[يەشمىسى:] «قولتۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قولتۇقلاشماق

  • قولتۇقلاشماق[يەشمىسى:] «قولتۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كىيىم-كېچەك، ساز-پازلىرىنى قولتۇقلىشىپ كۈلۈشۈپ كىرىپ كېلىشتى.

قولتۇقلانماق

  • قولتۇقلانماق[يەشمىسى:] «قولتۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قولتۇقلىماق

  • قولتۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قولتۇقىغا قىسماق، قولتۇقىغا قىسىپ كۆتۈرمەك:[مىسال:] ھەدېسىلا كىتابقا قاراپ ئىش قىلىش ۋە ھەمىشە كىتابنى قولتۇقلىۋېلىش ياخشى ئىش ئەمەس.[يەشمىسى:] ② بىراۋنىڭ بىلىكىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالماق، قولتۇقىدىن ياكى بىلىكىدىن تۇتماق:[مىسال:] رەيھان مەھمۇدنى قولتۇقلىۋالدى.

قولچوماق

  • قولچوماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قول+چوماق[[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشى، يېتەكلىشى، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ يامان ئىش قىلىدىغان كىشى؛ غالچا:[مىسال:] ئۇ ئۇلارنى تاشلاپ قويۇپ، قولچوماقلىرىنى باشلاپ ئۇخلىغىلى ماڭدى.

قولچوماقچىلىق

  • قولچوماقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشى، يېتەكلىشى، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ يامان ئىش قىلىش خاھىشى؛ غالچىلىق:[مىسال:] قولچوماقچىلىق قىلماق.

قولچىراغ

  • قولچىراغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]قول+چىراغ[[يەشمىسى:] قۇرغاق باتارېيىنى ئېلېكتر مەنبەسى قىلىدىغان كىچىك تىپتىكى يورۇتۇش ئەسۋابى.

قولداش

  • قولداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان، ياردەم قىلىدىغان، بىر نىيەتلىك كىشى؛ مەسلەكداش، پىكىرداش:[مىسال:] يوقتۇر مېنىڭ قولداشىم، بۇ يېتىملىككە چارەم يوق. ∥ئاتاڭ شاھى مەردان مېنىڭ قولداش دوستۇم.[يەشمىسى:] ② توي كۈنى تويى بولغان يىگىت ياكى قىزنىڭ يېنىدا دائىم بىللە بولىدىغان كىشى، يېقىن دوستى:[مىسال:] يىگىت قولدىشى.

قولداشلىق

  • قولداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولداش بولۇش ئىشى، بۇرچى:[مىسال:] ئابدۇللا «ئۇنى قولداشلىققا تەكلىپ قىلمىساممۇ بولغانىكەن» دەپ ئويلاپ تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى.

قولداما

  • قولداما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماقنىڭ بىر خىل تۈرى. بۇنىڭدا خېمىر تىرناق چوڭلۇقىدا ئۈزۈلۈپ، چويلا ياكى ئاشتاختىغا يىمىرىلىش ئارقىلىق بىر يۈزىگە گۈل چىقىرىلىپ، سۇدا پىشۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سۈزۈۋېلىنىپ، سەي بىلەن بىللە قورۇلۇپ ياكى ئۈستىگە سەي سېلىنىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

قولقا

  • قولقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارىيەت بېرىدىغان ياكى ئالىدىغان تۈرلۈك ئۇششاق-چۈششەك تۇرمۇش بۇيۇملىرى.

قولقاپ

  • قولقاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قول+قاپ[[يەشمىسى:] «پەلەي»گە قاراڭ.

قولقاپلىق

  • قولقاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قولقېپى بار، قولقاپ كىيگەن:[مىسال:] قولقاپلىق ئادەم.

قول-قانات

  • قول-قانات[يەشمىسى:] ① قول ۋە قانات.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېقىن ياردەمچى، ھىمايىچى، ياردەم بەرگۈچى:[مىسال:] ئۆز ئوغلۇمنى قول-قانات قىلسام نېمىسى يامان بولىدىكەن

قول-قولچە

  • قول-قولچە[يەشمىسى:] ھەممە بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ:[مىسال:] بولۇڭلار، دېدى بىر ئاقساقال تاماكا چېكىۋاتقان سابىرلارغا قاراپ، ماۋۇ ئىشنى قول-قولچە تۈگىتىۋېتىپ، ئاندىن كەچكىچە ئولتۇرساقمۇ بولىدۇ.

قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەك

  • قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەك[يەشمىسى:] قىزغىن قوللىماق، ھىمايە قىلماق:[مىسال:] سېخ رەھبەرلىكى مۇنداق ئىلغار-چارە تەدبىرلەرنىڭ ئومۇملىشىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.

قوللاشماق

  • قوللاشماق[يەشمىسى:] «قوللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەخمەتجاننىڭ پىكىرىنى قوللاشتى.

قوللانما

  • قوللانما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-پائالىيەت ياكى ھۈنەر-سەنئەتكە دەستۇر بولىدىغان ھۆججەت، كۆرسەتمە ۋە ياكى شۇ قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] پايدىلىنىش قوللانمىسى.[يەشمىسى:] ② ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان ماتېرىيال؛ دەرسلىككىتاب:[مىسال:] ئۇ چاغدا تارىخ دەرسلىكىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا قوللانمىلار يوق ئىدى.

قوللانماق

  • قوللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىشلەتمەك، تەدبىقلىماق:[مىسال:] ئۇلارغا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىش لازىم.

قوللۇق

  • قوللۇق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قولى بار؛ قول بىلەن؛ قول بىلەن ئوينايدىغان:[مىسال:] بىر قوللۇق ئىشلەتمەك.، ئىككى قوللۇق قارتا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يارغۇنچاقنى قول بىلەن ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈستۈنكى تاشقا بېكىتىلگەن قوزۇقسىمان ياغاچ تۇتقۇچ.

قوللىماق

  • قوللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياقلاپ، تەرىپىنى ئالماق، ھىمايە قىلماق، قۇۋۋەتلىمەك:[مىسال:] ئايالىممۇ مېنىڭ بۇ ئىشىمنى قىزغىن قوللىدى.

قوللىنىلماق

  • قوللىنىلماق[يەشمىسى:] «قوللانماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قولمۇقول

  • قولمۇقول[يەشمىسى:] ھەممە ھەرىكەتكە كېلىپ؛ بىرلىشىپ، يىغىلىپ:[مىسال:] قولمۇقول تۇتۇش قىلماق.

قولۇم-قوشنا

  • قولۇم-قوشنا[يەشمىسى:] ئۆيلىرى بىر-بىرىگە يېقىن، ئۆزئارا باردى-كەلدى قىلىشىپ ئۆتكەن كىشىلەر، قوشنا:[مىسال:] قولۇم-قوشنا ۋە جامائەتنىڭ ياردىمى بىلەن مېيىت ئۇزىتىلىپ يەرلىككە قويۇلدى.

قولۋاق

  • قولۋاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قېيىقⅡ»گە قاراڭ:[مىسال:] قولۋاق تەنھەرىكىتى.

قولۋاقچى

  • قولۋاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولۋاق ھەيدەيدىغان كىشى.

قولۋاقچىلىق

  • قولۋاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولۋاق ھەيدەش ئىشى، ھەرىكىتى.

قولىچە

  • قولىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قولى بىلەن:[مىسال:] نازارى يازدى بۇيرۇقنى قولىچە، زوھوردىن باستى ئاڭا مۆھۈرچە.

قول-ئىلىك

  • قول-ئىلىك[يەشمىسى:] قول ۋە ئىلىك؛ ھال-كۈن.

قول-ئىلكىدە بار

  • قول-ئىلكىدە بار[يەشمىسى:] ھال-كۈنى ئوبدان، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى؛ باي.

قول-ئىلكىدە يوق

  • قول-ئىلكىدە يوق[يەشمىسى:] ھال-كۈنى ناچار، كەمبەغەل، نامرات.

قوليازما

  • قوليازما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قول+يازما[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىرەر ئەسەرنىڭ قول بىلەن يېزىلغان ئەسلىي نۇسخىسى، ئورىگىنالى.

قولياغلىق

  • قولياغلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قول+ياغلىق[[يەشمىسى:] تەر، يۈز-كۆز ۋە قولنى ئېرتىش ئۈچۈن بىللە ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك، چاسا شەكىللىك توقۇلما.

قوماچ

  • قوماچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي بىلەن كەندىرنى قازاندا قورۇپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل يىمەكلىك:[مىسال:] ئۇلار يولغا دەپ بىر خالتىدىن قوماچ ۋە تالقان قورۇۋالغانىدى. ∥ بىر ياققا ئانار قويدۇم، بىر ياققا توغاچ. شۇ يارىمنىڭ دەردىدە، يۈرىكىم قوماچ.

قوماندان

  • قوماندان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① چوڭ ھەربىي قىسىم ياكى قوشۇننىڭ باشلىقى.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن ھەرقانداق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنىڭ باش يېتەكچىسى، كوماندىر.

قوماندانلىق

  • قوماندانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ھەربىي قوشۇن ياكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ئىشى، ۋەزىپىسى:[مىسال:] قوماندانلىق قىلماق.

قومدۇ

  • قومدۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. . [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز. .[يەشمىسى:] ئوقيانىڭ ئوقىنى سالىدىغان ئوقدان.

قومۇرتماق

  • قومۇرتماق[يەشمىسى:] «قومۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قومۇرماق

  • قومۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم بىرنەرسىنى كۆمۈلگەن ياكى ئورنىتىلغان جايىدىن تارتىپ چىقارماق، يۇلۇپ ئالماق:[مىسال:] ئۇ ئىككى پارچە يوغان خىشنى قومۇرۇۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراقلا قولغا كىرگۈزمەك، بىراقلا قولغا چۈشۈرمەك، ئالماق:[مىسال:] شۇ چاغدا گېپىمگە كىرگەن بولساڭ، ھېچ بولمىسا 2000 يۈەننى قومۇراتتۇق.

قومۇرۇشماق

  • قومۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قومۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قومۇرۇلماق

  • قومۇرۇلماق[يەشمىسى:] ① «قومۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② قوزغالماق، ھەرىكەتكە كەلمەك، ئاتلانماق (ئادەم قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] بۇ توي ئۈچۈن پۈتۈن قەشقەرلىكلەر قومۇرۇلدى دېسىمۇ بولاتتى.

قومۇش

  • قومۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆپىنچە سۇ بۇيىدا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكلىدە، غولىنىڭ ئىچى كاۋاك. غولىدىن بورا توقۇغىلى ياكى قەغەز ياسىغىلى بولىدۇ.

قومۇشچىلىق

  • قومۇشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قومۇش ئورۇپ سېتىش ئىشى:[مىسال:] قومۇشچىلىق قىلماق.

قومۇشزار

  • قومۇشزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قومۇشلۇق»قا قاراڭ.

قومۇشزارلىق

  • قومۇشزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قومۇشلۇق»قا قاراڭ.

قومۇشسىز

  • قومۇشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قومۇش يوق، قومۇش ئۆسمىگەن:[مىسال:] قومۇشسىز كۆل.

قومۇشلۇق

  • قومۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قومۇش ئۆسكەن يەر، جاي:[مىسال:] قومۇشلۇققا بارماق.

قوناقⅠ

  • قوناقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئاق قوناق ۋە كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئورتاق نامى.

قوناقⅡ

  • قوناقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايغا، بىركىمنىڭ ئۆيىگە قونۇش ئۈچۈن كەلگەن ياكى چۈشكەن مېھمان؛ يولۇچى:[مىسال:] ئەمدى ئۇ ئەزىمەتلەرنى قوناققا چاقىرساق بولارمۇ[يەشمىسى:] ② تۈنەيدىغان ئورۇن، قونىدىغان، قونۇپ ئۆتىدىغان جاي، قونالغۇ:[مىسال:] قوناق تۇتۇپ ياتماق.

قوناقگۈل

  • قوناقگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوناق+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوناقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى چوڭ، ئۇزۇن، ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. يوپۇرماق تومۇرى پەيسىمان بولىدۇ. گۈلى قىزىل ياكى سېرىق، ئومۇم گۈل رېتىدە كېلىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قېلىنىدۇ.

قوناقلىق

  • قوناقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوناق تېرىلغان، قوناق ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] قوناقلىق ئېتىز. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوناق تېرىلغان، ئۆستۈرۈلگەن يەر، جاي ياكى ئېتىز، مەيدان:[مىسال:] ماشىنا مەھەللىنىڭ چېتىدىكى قوناقلىقنىڭ يېنىدا توختىدى.

قونالغۇ

  • قونالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يولۇچىلار، سەپەرگە چىققانلار قونىدىغان، قونۇپ ئۆتىدىغان جاي:[مىسال:] قونالغۇغا يەتمەك.

قونالغۇلۇق

  • قونالغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قونىدىغان، قونۇشقا بولىدىغان جاي:[مىسال:] ئۇلار مۇشۇ ئۆڭكۈرنى قونالغۇلۇق قىلىپ بېكىتىشتى.

قونچ

  • قونچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياغنىڭ باشلىقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان، پاقالچاققا كىيىلىدىغان قىسمى:[مىسال:] ئاياغنىڭ قونچى قىستىماق.

قونچلۇق

  • قونچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قونچى بار، قونچ ئورنىتىلغان:[مىسال:] قونچلۇق ئاياغ.

قونداق

  • قونداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توخۇ، كەپتەر قاتارلىق قۇشلار قونۇش ئۈچۈن كۆندىلەڭ ئورنىتىلغان ئۇزۇن ياغاچ:[مىسال:] توخۇنى كۆلچەككە ھەيدەپتۇ، ئۆردەكنى قونداققا (ماقال).[يەشمىسى:] ② مىلتىق، ئاپتومات، پىلىموت قاتارلىق قوراللارنىڭ پۈتۈن قىسمىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە ئاتقاندا يەلكىگە تىرەپ تۇرىدىغان قىسمى:[مىسال:] مىلتىقنىڭ قوندىقى.

قونداقلىق

  • قونداقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قوندىقى بار، قونداق بېكىتىلگەن، قونداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] قونداقلىق مىلتىق.[يەشمىسى:] ② قونداق قىلىشقا باب كېلىدىغان، قونداق بولىدىغان:[مىسال:] قونداقلىق ياغاچ.

قوندۇرماق

  • قوندۇرماق[يەشمىسى:] ① «قونماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② دوپپىچىلىقتا، لېۋەك ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، دوپپىنىڭ تۆپىلىكىگە جىيەكنى ئۇلىماق.[يەشمىسى:] ③ ماشىنىچىلىقتا، ئايرىم تىكىلىپ تەييارلانغان يەڭ قاتارلىقلارنى ئەسلىي غول قىسمىغا چاتماق، ئۇلىماق.

قوندۇرۇشماق

  • قوندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قوندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قوندۇرۇلماق

  • قوندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قوندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قونغاق

  • قونغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تۇغۇلغان دەسلەپكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە قىلغان تەرىتى؛ ئوغۇز پوقى.

قونغاقلىماق

  • قونغاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئىچىدىن قونغاق كەلمەك.

قونماق

  • قونماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇچۇشتىن توختاپ يەرگە ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئورۇنلاشماق، ئولتۇرماق:[مىسال:] بالا قۇش ئۇچۇشنى بىلەر، قونۇشنى بىلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② تۈننى ئۆتكۈزمەك، تۈنىمەك، يېتىپ كېچىچە ئارام ئالماق:[مىسال:] ئاخىرى ئۇ مېھمان بۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا بولماق، يۇقماق، چۈشمەك:[مىسال:] ئەسلىسەڭ ئېسىڭگە قونار (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوشۇلماق، كۆپەيمەك:[مىسال:] ئەت قونماق. پايدا قونماق.[يەشمىسى:] ⑤ مىنمەك، ئۈستىگە جايلاشماق، ئورۇنلاشماق؛ توغرىلانماق:[مىسال:] ۋېلىسىپىتكە قونماق.

قونۇشماق

  • قونۇشماق[يەشمىسى:] «قونماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ يەردە بىر كېچە قونۇشتى.

قونۇقلۇق

  • قونۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قونغان ھالەتتە، قونغان پېتى، قونغان ھالدا:[مىسال:] قونداقتا ئىككى توخۇ قونۇقلۇق تۇرىدۇ.

قوۋزاق

  • قوۋزاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول ۋە يىلتىزلىرى توملاشقا باشلىغاندا، سىرتقى پوستىنىڭ ئورنىدا قوغداش رولىنى ئوينايدىغان مۇرەككەپ توقۇلما.

قوۋزاقدارچىن

  • قوۋزاقدارچىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوۋزاق+دارچىن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دارچىننىڭ قوۋزىقى. تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، تەرلىتىش، تارتىشىپ قالغان مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇش، تومۇرلارنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا تېتىتقۇ ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

قوۋزاقلاشماق

  • قوۋزاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوۋزاق ھالىتىگە كەلمەك، قوۋزاققا ئوخشىماق.

قوۋزاقلىق

  • قوۋزاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوۋزىقى بار، قوۋزاق پەيدا بولغان.

قوۋم

  • قوۋم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىر ئۇرۇقتىن چىققان، ئۆزئارا قېرىنداشلىق، ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر توپى؛ ئۇرۇق، ئايماق، قەبىلە:[مىسال:] بۇ ئەجەل جىلغىسىدا ئۇلار پۈتۈن قوۋمى بىلەن مۇزلاپ ئۆلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دائىم دېگۈدەك بىر مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەر توپى، نامازنى بىر مەسچىتتە ئوقۇيدىغان جامائەت:[مىسال:] مەسچىت قوۋمى.

قوۋم-قېرىنداش

  • قوۋم-قېرىنداش[يەشمىسى:] قوۋم ۋە قېرىنداش:[مىسال:] ھەزرەتلىرى بارلىق قوۋم-قېرىنداشلىرىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەنلا.

قوۋم-قېرىنداشلىق

  • قوۋم-قېرىنداشلىق[يەشمىسى:] بىر قوۋمگە مەنسۇپ بولغان، قېرىنداش بولغان:[مىسال:] قوۋم-قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت. ∥ سەن قوۋم-قېرىنداشلىقىمىزنىڭ يۈزىنىمۇ قىلمامسەن

قوۋناق

  • قوۋناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەخت ۋە شادلىق تۇيغۇسىغا تولغان، بەختلىك، خۇشال-خۇرام، كۆڭۈللۈك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئاشۇ ئۆزىگە تونۇش بولغان، قوۋناق ھاياتى، شادلىق قايناپ تۇرىدىغان يۇرتىدا ئىدى.

قوۋناقلىق

  • قوۋناقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەخت ۋە شادلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈش، خۇشال-خۇراملىق.

قوۋۇرغا

  • قوۋۇرغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ كۆكرەك دىۋارىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولىدىغان ئۇزۇن، تار سۆڭەك. ئادەملەردە 12 جۈپ بولىدۇ. شەكلى ياپىلاق ھەم ئەگرى بولۇپ، ئاخىرى ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بىلەن؛ بېشى تۆش سۆڭىكى بىلەن، تۇتىشىدۇ.

قوۋۇرغىسى كۆرۈنۈپ قالماق

  • قوۋۇرغىسى كۆرۈنۈپ قالماق[يەشمىسى:] ① جۈدىمەك، ئورۇقلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نامراتلاشماق، كەمبەغەللەشمەك.

قوۋۇرغىسىنى ئەگمەك

  • قوۋۇرغىسىنى ئەگمەك[يەشمىسى:] غىدىقىنى كەلتۈرمەك، ئاچچىقىنى، غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىماق.

قوۋۇرغىسىز

  • قوۋۇرغىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوۋۇرغىسىيوق، قوۋۇرغىسى بولمىغان.

قوۋۇرغىلىق

  • قوۋۇرغىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوۋۇرغىسى بار، قوۋۇرغىسى بولغان.

قوۋۇزⅠ

  • قوۋۇزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئىككى يان تەرىپى، يەنى ئىككى يان دىۋارى:[مىسال:] قوۋۇز تاۋۇشى. قوۋۇز خالتىسى.

قوۋۇزىنى كۆپتۈرمەك

  • قوۋۇزىنى كۆپتۈرمەك[يەشمىسى:] يوغان گەپ قىلماق، پو ئاتماق؛ ۋالاقلاپ كۆپ سۆزلىمەك.

قوۋۇزⅡ

  • قوۋۇزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئېغىزدا چېلىنىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى. پولات، مىس، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق مېتاللاردىن ياسىلىدۇ.

قوۋۇزچى

  • قوۋۇزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوۋۇز ياسىغۇچى؛ قوۋۇز چالغۇچى.

قوۋۇشتۇرماق

  • قوۋۇشتۇرماق[يەشمىسى:] «قوۋۇشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى كىشى قوللىرىنى قوۋۇشتۇرۇپ خۇددى گۇناھكارلاردەك يەرگە قاراپ تۇراتتى.

قوۋۇشتۇرۇلماق

  • قوۋۇشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قوۋۇشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قوۋۇشماق

  • قوۋۇشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە يېپىشماق، بىرلەشمەك، قوشۇلماق، جەم بولماق.

قوۋۇق

  • قوۋۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① شەھەر سېپىللىرى، ئوردا، چوڭ قورۇ قاتارلىقلارنىڭ دەرۋازىسى، ئىشىك.[يەشمىسى:] ② قەدىمكى دەۋرلەردە جىنايەتچىنىڭ بوينىغا سالىدىغان تاختاي، شال، تاقاق.

قوۋۇقچى

  • قوۋۇقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرۋازىۋەن.

قوۋۇقلۇق

  • قوۋۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوۋۇقى بار، قوۋۇق بېكىتىلگەن:[مىسال:] ئۈچ قوۋۇقلۇق ئوردا.

قوي

  • قوي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، يەنى كۆشىگۈچىلەرنىڭ بىر تۈركۈمى. ئومۇمەن بېشىدا بىر جۈپ مۈڭگۈزى بولىدۇ. ئادەتتە يۇڭىنى، گۆشىنى، سۈتىنى ۋە مېيىنى ئېلىش ئۈچۈن بېقىلىدۇ.

قويانجىن

  • قويانجىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۈۋىدىن شاخلىنىدۇ، قاتتىق كېلىدۇ، يۇمران ۋاقتىدا تۈكلەر بىلەن قاپلىنىدۇ. يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكىللىك، تىكەنلىك ئۇچى بولىدۇ. قىسقا باشاقسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. قۇرغاق جايلاردا ئۆسىدۇ.

قويچى

  • قويچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەخسۇس يايلاق ياكى قىشلاقلاردا قوي بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى، مالچى.[يەشمىسى:] ② مەخسۇس قوي ئېلىپ-سېتىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى، قوي سودىگىرى.

قويچىلىق

  • قويچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قوي بېقىش ئىشى، قوي بېقىش پائالىيىتى. [يەشمىسى:] ② مەخسۇس قوي ئېلىپ-سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، قوي سودىگەرلىكى.

قويدۇرماق

  • قويدۇرماق[يەشمىسى:] «قويماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قويكۆز

  • قويكۆز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قوي+كۆز[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۆك مارال ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى گۆشلۈك، شىرنىلىك، قېلىن ھەم ئۇزۇن، گۈلى ئاق ۋە ئومۇم گۈل رېتىدە كېلىدۇ.

قويما

  • قويما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتقا ئارتىلغان رەسمىي يۈكنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان يەم-خەشەك ياكى باشقا نەرسىلەر.

قويماق

  • قويماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قولىدىكى نەرسىنى (ئومۇمەن كۆتۈرۈۋالغان نەرسىنى) بىرەر جايغا ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] بوۋاي قويغىنىنى بىلمەس، موماي تويغىنىنى بىلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر جاي ياكى نەرسىنىڭ ئۈستىگە تىرەپ، تاقاپ، قوندۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] بېشىنى قويماق.[يەشمىسى:] ③ پايدىلىنىش ئۈچۈن بىرەر نەرسە بەرمەك:[مىسال:] ئۇ ھەر قېتىم مائاشىنى ئالغاندا، مەلۇم نىسبەتتە قېرىلارنىڭ ئالدىغا قوياتتى.[يەشمىسى:] ④ قۇرماق، سالماق؛ ئورناتماق، ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] دەرىزىگە ئەينەك قويماق.[يەشمىسى:] ⑤ ئۆز يېنىدا ئېلىپ كەتمەي بىرەر جايدا قالدۇرماق، بىركىمنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە ياكى قاراپ قويۇشىغا تاپشۇرماق:[مىسال:] بانكىدا قويماق.[يەشمىسى:] ⑥ ۋاز كەچمەك:[مىسال:] يىقىلغان چېلىشقا تويماس، بەتنىيەت خۇيىنى قويماس (ماقال).[يەشمىسى:] ⑦ بولدى قىلماق، ئاياغلاشتۇرماق، تۈگەتمەك؛ تاشلىماق (گەپ-سۆز، بايان-چۈشەندۈرۈش ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] چاقچىقىڭنى قوي، دېدى تاشۋاي، مەن تېخى گۈلەختىكى چاغلىرىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم.[يەشمىسى:] ⑧ بېرىش كېلىشتە كەلگەن ئىسىملار بىلەن كېلىپ، شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن نەرسىنى يېيىش-ئىچىشكە دەۋەت قىلماق يەنى باقماق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ (ئومۇمەن ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇلاغنى ئوتقا قويماق.[يەشمىسى:] ⑨ بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەك، رۇخسەت قىلماق:[مىسال:] دېسە، دېگۈچە قويدۇم، كېسىپ يېگۈچە قويدۇم (ماقال).01 [يەشمىسى:] تىنچلىق، خاتىرجەملىك بەرمەك:[مىسال:] ئىختىيارىغا قويماق.[يەشمىسى:] 11 بەرمەك، باغلىماق، قاراتماق، بېغىشلىماق (روھىي دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] كۆڭۈل قويماق.[يەشمىسى:] 21 مۇپتىلا قىلماق، دۇچار قىلماق، يولۇقتۇرماق:[مىسال:] گەپكە قويماق.[يەشمىسى:] 31 مۇھاكىمە، مۇنازىرە قاتارلىقلار ئۈچۈن ئېيتماق، دېمەك، بايان قىلماق:[مىسال:] سوئال قويماق.[يەشمىسى:] 41 دەپنە قىلماق، كۆممەك:[مىسال:] يەرلىكىگە قويماق.[يەشمىسى:] 51 بەلگىلىمەك، بەلگىلەپ بەرمەك:[مىسال:] باھا قويماق.61 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۈكلىمەك، ئارتماق، تاڭماق (ئەيىب، گۇناھ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] بۇ قانداق ئىش ئۇلارنىڭ ساڭا قويغان ئەيىبلىرى توغرىمۇ دەپ كەمبەغەلدىن سوراپتۇ شاھ.[يەشمىسى:] 71 بىرەر ئىش، ۋەزىپىگە تەيىنلىمەك، بەلگىلىمەك:[مىسال:] پوستقا قويماق.[يەشمىسى:] 81 ئاتىماق، ... دەپ بېكىتمەك (تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ نام-ئىسمى ھەققىدە)[مىسال:] :[مىسال:] ئىسىم قويماق.[يەشمىسى:] 91 بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماق ياكى قالدۇرماق، ھاۋالە قىلماق:[مىسال:] خۇداغا قويماق.[يەشمىسى:] 02 باشقىلار ئالدىدا نامايان قىلماق، كۆرسەتمەك:[مىسال:] ئويۇن قويماق.[يەشمىسى:] 12 يولىنى ئېچىپ باشلاپ، بەلگىلىك دەرىجىدە يايماق، يەتكۈزمەك، يوللىماق (سۇ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] سۇ قويماق.[يەشمىسى:] 22 ئۇرماق، سالماق، تەگكۈزمەك:[مىسال:] سادىر پېشانىسىگە بىرنى قويدى.[يەشمىسى:] 32 ھېسابلىماق، دەپ بىلمەك، كىرگۈزمەك، سانىماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى چوڭ ئادەملەر قاتارىغا قويىدىغان بولۇشتى.[يەشمىسى:] 42 ئۆستۈرمەك (چاچ، ساقال، تىرناق قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] بۇرۇت قويماق.[يەشمىسى:] 52 تىكمەك (كۆچەت قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] كۆچەت قويماق.[يەشمىسى:] 62 باسماق، ئالماق، تاشلىماق (قەدەم، ئاياغ ھەققىدە):[مىسال:] قەدەم قويماق.[يەشمىسى:] 72 بەلگە سالماق؛ يازماق، سىزماق؛ باسماق:[مىسال:] ئىمزا قويماق.[يەشمىسى:] 82 تۇتاشتۇرۇپ ئۇلغايتماق، پەيدا قىلماق (ئوت ھەققىدە):[مىسال:] ئوت قويماق.[يەشمىسى:] 92 ئىشقا سالماق، ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك (ئومۇمەن ئېلېكتر كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان نەرسىلەر ھەققىدە):[مىسال:] راىئونى قويماق. ئۈنئالغۇنى قويماق.[يەشمىسى:] 03 مەلۇم ئىشنى بېجىرىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتمەك، ماڭدۇرماق، ئىشقا سالماق:[مىسال:] ئەلچى قويماق.[يەشمىسى:] 13 سۈرتمەك، سۈركىمەك، سۇۋىماق (ئوسما، خېنە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئوسما قويماق.[يەشمىسى:] 23 ماقۇل بولماق، قوشۇلماق، ئۇنىماق، خالىماق:[مىسال:] ئوينىغىلى قويماق.[يەشمىسى:] 33 چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بىلەن بولۇشسىز شەكىلدە كېلىپ «قالدۇرماي، تولۇق، تەپسىلىي، ئالا تاشلىماي» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ:[مىسال:] قويماي ئېيتماق.[يەشمىسى:] 43 بەزى سۈپەتلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، مەلۇم بىرنەرسىنى شۇ سۈپەتتىن ئاڭلىنىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈش ياكى شۇ ھالەتتە قالدۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] قورساقنى ئاچ قويماق.[يەشمىسى:] 53 بولۇشسىز پېئىلدىن كېيىن بولۇشسىز شەكىلدە كېلىپ، ئالدىدىكى پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنى ئورۇنلىمىسا، بېجىرمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] مەكتەپكە بارماي قويما دېدى ئۇ ئوغلىغا تەھدىت تەلەپپۇزى بىلەن.[يەشمىسى:] 63 ئۆتۈملۈك ۋە قىسمەن ئۆتۈمسىز پېئىللارنىڭ «-پ، -ىپ، -ۇپ، -ۈپ» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ياسالغان رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، تۆۋەندىكىدەك تۈس مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] 1)رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تولۇق ئورۇنلىنىشىنى، تۈگەللىنىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆيلەپ قويماق.[يەشمىسى:] 2)رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ تاسادىپىي، ئەپسۇسلىنارلىق، ئېچىنىشلىق ھالەتتە يۈز بەرگەنلىكىنى، تاماملىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ساقلىتىپ قويماق.[يەشمىسى:] 3)رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن ئالدىدىن ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن بۇ ئىشقا بېلىمنى باغلاپ قويدۇم.[يەشمىسى:] 4)رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ رەسمىيەتچىلىك ئۈچۈنلا ياكى سۇس، ئېتىبارسىز، ئاستا ھالەتتە ۋە ياكى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنداقلا، خۇشياقماسلىق بىلەن ئورۇنلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھاكىم دىمىغىنى قىرىپ، تۇمشۇقىنى تولغاپ قويدى.[يەشمىسى:] 73 بەزى پېئىللارنىڭ «ي» بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇشسىز رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، بولۇشسىز ھەرىكەتكە قەتئىيلىك تۈسىنى كىرگۈزىدۇ:[مىسال:] خەۋىرىڭىز بار، كېيىنكى كۈنلەردە مەن يېزىغا كەلمەي قويدۇم.

قويمىچى

  • قويمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىلىق-سىپايە سۆز ۋە ھەرخىل يالغان گەپلەر بىلەن باشقىلارنىڭ پۇل-پۇچەك ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئېلىۋالغۇچى، ئالدامچى:[مىسال:] قويمىچىغا ئۇچراپسەن-دە، دېدى ئۇ چىرايىمغا قاراپلا.

قويۇشماق

  • قويۇشماق[يەشمىسى:] «قويماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قويۇق

  • قويۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. بەك سۇيۇق ئەمەس، سۈيى، سۇ تەركىبى نىسبەتەن ئاز؛ بەك تېز ئېقىپ كېتەلمەيدىغان:[مىسال:] قويۇق لاي. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە يېقىن، زىچ جايلاشقان، زىچ، «شالاڭ»نىڭ ئەكسى:[مىسال:] قويۇق ئورمان. ∥ قويۇق ئۆسمەك. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېنىق، توق (رەڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ھەققىدە):[مىسال:] قويۇق قارا سىياھ. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جانلىق تۈس ئالغان، مەزمۇنغا باي، كۈچلۈك، مول:[مىسال:] ئۇنىڭ شېئىرلىرى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى يېقىن، قىزغىن، زىچ (مۇناسىۋەت-ئالاقە ھەققىدە):[مىسال:] ئەزىمەت بىلەن مىرزىنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ قويۇق، يېقىن دوستلاردىن ئىدى.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈچلۈك ھالدا، قىزغىنلىق بىلەن، ئاكتىپلىق بىلەن، زىچ ھالدا:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپتە قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى شەكىللەندى.

قويۇقئاش

  • قويۇقئاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قويۇق+ئاش[[يەشمىسى:] «پولۇ»غا قاراڭ.

قويۇق-سۇيۇق

  • قويۇق-سۇيۇق[يەشمىسى:] قويۇق ۋە سۇيۇق:[مىسال:] جالالنىڭ ئائىلىسىدە ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان قويۇق-سۇيۇق زىياپەتلەردە مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

قويۇقلاتقۇچ

  • قويۇقلاتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] دورىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، دورىنى مەلۇم شەكىل ياكى مەلۇم قويۇقلۇققا ئىگە قىلىدىغان ماددا.

قويۇقلاتماق

  • قويۇقلاتماق[يەشمىسى:] «قويۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئادەتتە قاشنى قارايتىش ۋە قويۇقلىتىش ئۈچۈنمۇ ئاشۇ «ياغلىققارا»نى ئىشلەتكەن.

قويۇقلاشتۇرماق

  • قويۇقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قويۇقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مۇناسىۋەتنى كۈندىن كۈنگە قويۇقلاشتۇردى.

قويۇقلاشتۇرۇلماق

  • قويۇقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قويۇقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قويۇقلاشماق

  • قويۇقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قويۇق، زىچ ھالەتكە كەلمەك؛ قويۇلماق:[مىسال:] ئالما شاخلىرى يىلسېرى قويۇقلىشىپ، باغ ئىچىنى سايە باسماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ② توققا مايىللاشماق، توق ياكى توقراق تۈس ئالماق؛ قارايماق:[مىسال:] قاراڭغۇ تىخىمۇ قويۇقلاشتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جانلىق تۈس ئالماق، جانلانماق؛ كۈچەيمەك:[مىسال:] ۋەھىمە يەنە قويۇقلىشىشقا باشلىدى. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپەيمەك:[مىسال:] يېقىندىن بېرى ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى قويۇقلاشتى.

قويۇقلاندۇرماق

  • قويۇقلاندۇرماق[يەشمىسى:] «قويۇقلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قويۇقلانماق

  • قويۇقلانماق[يەشمىسى:] «قويۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قويۇقلۇقⅠ

  • قويۇقلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قويۇق، زىچ، كۈچلۈك ھالەت.

قويۇقلۇقⅡ

  • قويۇقلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قويۇپ قويۇلغان، قويۇلغان:[مىسال:] ئۆيگە مەش قويۇقلۇق ئىدى.

قويۇقلىماق

  • قويۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قويۇق ھالەتكە كەلمەك، قويۇق بولماق، قويۇقلاشماق.

قويۇلدۇرماق

  • قويۇلدۇرماق[يەشمىسى:] «قويۇلماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قويۇلماقⅠ

  • قويۇلماقⅠ[يەشمىسى:] «قويماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قويۇلماقⅡ

  • قويۇلماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قويۇق ھالەتكە كەلمەك، قويۇق بولماق:[مىسال:] قان قويۇلۇپ كەتمەك.

قويۇم

  • قويۇم[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم قېتىم قويۇشقا يېتىدىغان:[مىسال:] بىر قويۇم ئوسما.

قويۇن

  • قويۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بەدەننىڭ كۆكرەك ۋە ئۇنى يېپىپ تۇرغان كىيىم ئارىسىدىكى جايى: قوينىغا سالماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇچاق، باغىر؛ ئۆزىگە تەۋە دائىرە، زېمىن:[مىسال:] رۇقىيە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاپىسىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.

قوي-ئۆچكە

  • قوي-ئۆچكە[يەشمىسى:] قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ئۇششاق چارۋا.

قويۇۋەتمەك

  • قويۇۋەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نىكاھتىن ئاجراشماق، خېتىنى بەرمەك:[مىسال:] خوتۇننى قويۇۋەتمەك.[يەشمىسى:] ② ئازاد قىلماق؛ ئۆز خاھىشى، ئىختىيارى، ئەركىنلىكىنى بەرمەك؛ ئۆز مەيلىگە، ئىختىيارىغا يول بەرمەك:[مىسال:] سۇنى قويۇۋەتمەك.

قۇببە

  • قۇببە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەسچىت ۋە بەزى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسىگە ئورنىتىلغان يېرىم شار شەكلىدىكى گۈمبەز:[مىسال:] مەسچىتنىڭ قۇببىسى. بىنانىڭ قۇببىسى.[يەشمىسى:] ② تۈرلۈك نەرسە ۋە بۇيۇملارنىڭ شارسىمان ياكى يېرىم شارسىمان بېزىكى:[مىسال:] ئىشىكنىڭ قۇببىسى. كارىۋاتنىڭ قۇببىسى.

قۇببىچە

  • قۇببىچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك قۇببە:[مىسال:] ئېگىزدىن پەسكە سەكرەپ چۈشىدۇ سۇ، ياساپ سانسىز كۈمۈش رەڭ قۇببىچە ئۇ.

قۇببىلىك

  • قۇببىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇببىسى بار، قۇببە چىقىرىلغان، قۇببە ئورنىتىلغان:[مىسال:] قۇببىلىك ئىشىك.

قۇت

  • قۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] بەخت، تەلەي؛ بايلىق:[مىسال:] ھە، كاتتا كىشىنىڭ تويى ئىكەن، تەڭرى قۇت بەرگەي، دېدى باربىتچى ئايال.

قۇتا

  • قۇتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچىگە بىرنەرسە قاچىلاش ئۈچۈن، قەلەي، تۆمۈر، ئەينەك، سۇلياۋ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ئىشلىنىدىغان قاچا:[مىسال:] تاماكا قۇتىسى. دورا قۇتىسى.

قۇتاتماق

  • قۇتاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «قۇتىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئوغرى بۇنى بىزگە قۇتاتمايدۇ.[يەشمىسى:] ② بەخت-تەلەي ئاتا قىلماق، بەختلىك بولماق:[مىسال:] ئوردۇ سىزگە قۇتاتقاي، سىز بودۇنغا قۇتاتقايسىز، دېدى ئانا سۇتۇققا قاراپ.

قۇتچىلىق

  • قۇتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇت، بەخت-تەلىيى كۆپ، بايلىقى مول بولغان ھالەت.

قۇتراتقۇ

  • قۇتراتقۇ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] قۇتراتقۇلارنى جازالىماق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇترىتىش رولىنى ئوينايدىغان، قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان:[مىسال:] بۈگۈن شەھەردە ھۆكۈمەتنى ھاقارەتلىگۈچى قۇتراتقۇ ۋەرەقىلەر چاپلاندى.

قۇتراتقۇچى

  • قۇتراتقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنى قۇترىتىدىغان، كىشىلەر ئارىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئادەم:[مىسال:] بۇ ۋەقەنىڭ جەزمەن قۇتراتقۇچىلىرىنى تېپىش كېرەك، دېدى ساقچى باشلىقى.

قۇتراتقۇلۇق

  • قۇتراتقۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنى قۇترىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق نىشانلىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ئۈندەش ئىشى:[مىسال:] قۇتراتقۇلۇق قىلماق.

قۇتراتماق

  • قۇتراتماق[يەشمىسى:] «قۇترىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوسماننى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتتى.

قۇتراشماق

  • قۇتراشماق[يەشمىسى:] «قۇترىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قۇتراشقان ھالدا بەش-ئالتە تاغارنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپ تۆكتى-دە، ئوت ياقتى.

قۇترىماق

  • قۇترىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قالايمىقانلىشىپ ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرماق، جىددىي ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] قورققان جانىۋارلار ھەر تەرەپكە قۇترىدى. [يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] سەلبىي مەنىدىكى سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر يامان مەقسەت بىلەن ھەرىكەت قىلماق؛ ھەرىكەت ئېلىپ بارماق:[مىسال:] ئۆز يېقىنلىرىدىن بولغان سەيپۇڭ توختىنىڭ نىيىتىنى بۇزۇپ، گاھ ئوچۇق، گاھ يوشۇرۇن قۇتراپ يۈرگەنلىكى تۆمۈرگە مەلۇم ئىدى.[يەشمىسى:] ③ ھەرىكەتكە كەلمەك، چىقماق؛ قاپلىماق، باسماق:[مىسال:] مەن غۇلجىغا كىرگەندە، قارا بوران قۇترىدى.

قۇتقۇزماق

  • قۇتقۇزماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭۈلسىز، ئېغىر، خەۋپلىك بىرەر ئەھۋال، ئىش ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن ساقلىماق، ئازاد، خالاس قىلماق:[مىسال:] خەۋپتىن قۇتقۇزماق. ئۆلۈمدىن قۇتقۇزماق.

قۇتقۇزۇشماق

  • قۇتقۇزۇشماق[يەشمىسى:] «قۇتقۇزماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دوختۇرلار ۋە سېسترالار جەڭ مەيدانىغا تېزدىن يېتىپ بېرىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشتى.

قۇتقۇزۇلماق

  • قۇتقۇزۇلماق[يەشمىسى:] «قۇتقۇزماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جىددىي داۋالاش داۋامىدا ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتقۇزۇلدى.

قۇتلاشماق

  • قۇتلاشماق[يەشمىسى:] «قۇتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇتلانماق

  • قۇتلانماق[يەشمىسى:] «قۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇتلۇق

  • قۇتلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەلەي، ئامەت ياكى بايلىق، بەرىكەت كەلتۈرىدىغان؛ بەختلىك:[مىسال:] قۇتلۇق كۈنلەر. قۇتلۇق ئىشلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇقەددەس، خاسىيەتلىك:[مىسال:] قۇتلۇق جاي. قۇتلۇق نام.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

قۇتلۇقگۈل

  • قۇتلۇقگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇتلۇق+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مازارىيون ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. گۈلى سېرىق، كۆپىنچە توپلىشىپ شار شەكلىگە كېلىدۇ، باش باھاردا ئېچىلىدۇ، گۈل تاجى بولمايدۇ، ئادەتتە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. پۈتۈن تۈپى دورا قىلىنىدۇ. قوۋزاق تالاسى قەغەزچىلىكنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

قۇتلۇقلاشماق

  • قۇتلۇقلاشماق[يەشمىسى:] «قۇتلۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇتلۇقلانماق

  • قۇتلۇقلانماق[يەشمىسى:] «قۇتلۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇتلۇقلىماق

  • قۇتلۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇتلۇق بولۇشىنى تىلىمەك، قۇتلۇق بولسۇن دېمەك، مۇبارەكلىمەك:[مىسال:] غەلىبىنى قۇتلۇقلىماق.

قۇتلىماق

  • قۇتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر كىمگە ئۆزىنىڭ ياخشى تىلەك، ئىستەكلىرىنى بىلدۈرمەك؛ ئۇنى تەبرىكلىمەك، مۇبارەكلىمەك:[مىسال:] ھېيتنى قۇتلىماق.

قۇتۇپ

  • قۇتۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ①>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەرنىڭ تەخمىنىي ئايلىنىش ئوقى بىلەن يەر سىرتى كېسىشكەن ئىككى نۇقتىدىن ھەربىرى:[مىسال:] جەنۇبىي قۇتۇپ. شىمالىي قۇتۇپ. [يەشمىسى:] ②>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] شۇ نۇقتىلار ئەتراپىدىكى جايلار، يەنى قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىدىكى رايونلار. ئۇنىڭ ئايلىق ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 01℃ بولىدۇ. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر زەنجىرى ياكى ماگنىتنىڭ قارىمۇقارشى ئىككى تەرىپى. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە مۇتلەق زىت، قارىمۇقارشى بولغان ئىككى خىل نەرسە، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلادىن بىرى؛ قارىمۇ قارشى تەرەپلەر:[مىسال:] ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنمەك.

قۇتۇپيۇلتۇز

  • قۇتۇپيۇلتۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇتۇپ+يۇلتۇز[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] يەرنىڭ شىمالىي قۇتۇپىغا ئەڭ يېقىن يورۇق يۇلتۇز.

قۇتۇپچانلىق

  • قۇتۇپچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانات تېنىنىڭ ئانا تېنىدىن ئايرىلغان قىسمىنىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىق ھادىسىسى.

قۇتۇپسىز

  • قۇتۇپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇتۇپى يۇق، قۇتۇپلارغا بۆلۈنمىگەن.

قۇتۇپلاندۇرماق

  • قۇتۇپلاندۇرماق[يەشمىسى:] «قۇتۇپلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇتۇپلاندۇرۇشماق

  • قۇتۇپلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قۇتۇپلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇتۇپلاندۇرۇلماق

  • قۇتۇپلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قۇتۇپلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇتۇپلانماق

  • قۇتۇپلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇتۇپ شەكىللەنمەك، قۇتۇپلارغا بۆلۈنمەك.

قۇتۇپلۇق

  • قۇتۇپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇتۇپى بار، قۇتۇپلارغا بۆلۈنگەن:[مىسال:] قۇتۇپلۇق بىرىكمىلەر. ئۈچ قۇتۇپلۇق خرۇستال لامپا.

قۇتۇپلىنىش

  • قۇتۇپلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] باتارىيە ۋە ئېلېكترولىزلاش قۇرۇلمىسىنىڭ قۇتۇپ تاختىسىدىكى گازنىڭ توك تەسىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى قاپلىۋېلىپ توكنىڭ نورمال ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولۇش ھادىسىسى.

قۇتۇلدۇرماق

  • قۇتۇلدۇرماق[يەشمىسى:] «قۇتۇلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] جاننى قۇتۇلدۇرماق.

قۇتۇلدۇرۇلماق

  • قۇتۇلدۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قۇتۇلدۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇتۇلغۇسىز

  • قۇتۇلغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇتۇلغىلى بولمايدىغان:[مىسال:] قۇتۇلغۇسىز دەرد-ئەلەمگە مۇپتىلا بولماق.

قۇتۇلماق

  • قۇتۇلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر كۆڭۈلسىز ئەھۋال، ھالەت، ئىش-ھادىسە، ۋەقە قاتارلىقلاردىن خالىي، ئازاد، خالاس بولماق؛ يامان كىشى، نەرسە ۋە باشقىلاردىن ساقلانماق:[مىسال:] ئۆلۈمدىن قۇتۇلماق. سولاقتىن قۇتۇلماق. جازادىن قۇتۇلماق.[يەشمىسى:] ② تاشلاپ، تەرك ئېتىپ، ۋاز كېچىپ خالاس بولماق:[مىسال:] قېچىپ قۇتۇلماق.[يەشمىسى:] ③ زىممىسىدىكى ئىش، مەجبۇرىيەت، بۇرچ، قەرز ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئادا قىلىپ ياكى بىرەر ئامال قىلىپ خالاس بولماق؛ بوشىماق:[مىسال:] قەرزدىن قۇتۇلماق.

قۇتۇلۇشماق

  • قۇتۇلۇشماق[يەشمىسى:] «قۇتۇلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇتىچە

  • قۇتىچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك قۇتا.

قۇتىماق

  • قۇتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاخىرىغىچە شۇ كىشىنىڭ بولۇپ قالماق؛ ئۇزۇنغىچە ئەسقاتماق:[مىسال:] ئېلىڭ، سىزگە قۇتاپ قالسۇن، شۇنداق قىلىپ ئاخىر مەن كالىنى سېتىۋالدىم.

قۇچاق

  • قۇچاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم گەۋدىسىنىڭ ئىككى قولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باغىر قىسمى؛ ئىككى قولنى يايغاندا بىر قولنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق:[مىسال:] قۇچاق ئاچماق. قۇچىقىغا ئالماق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قويۇن، باغىر:[مىسال:] ۋەتەننىڭ قۇچىقى. يۇرتنىڭ قۇچىقى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرگەن نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قۇچاق ئوتۇن.

قۇچاق-قۇچاق

  • قۇچاق-قۇچاق[يەشمىسى:] بىرقانچە قۇچاق كېلىدىغان؛ ناھايىتى كۆپ، جىق.

قۇچاقلاتماق

  • قۇچاقلاتماق[يەشمىسى:] «قۇچاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇچاقلاشما

  • قۇچاقلاشما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇچاقلاشقان ھالدىكى، قۇچاقلىشىپ، ئارىلىشىپ كەتكەن:[مىسال:] قۇچاقلاشما جەڭ.

قۇچاقلاشماق

  • قۇچاقلاشماق[يەشمىسى:] «قۇچاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇچاقلانماق

  • قۇچاقلانماق[يەشمىسى:] «قۇچاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇچاقلىماق

  • قۇچاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇچاق ئارىسىغا، قۇچىقىغا ئېلىپ باغرىغا تارتماق؛ باغرىغا باسماق:[مىسال:] بالىنى قۇچاقلىماق.

قۇچتۇرماق

  • قۇچتۇرماق[يەشمىسى:] «قۇچماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇچماق

  • قۇچماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قۇچاق ئارىسىغا ئېلىپ، باغرىغا، كۆكرىكىگە باسماق؛ قۇچاقلىماق:[مىسال:] بېلىدىن قۇچماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوراپ ئالماق، قاپلىماق؛ بىر ئالماق:[مىسال:] بولغاچ ئۇلار ئۇستازىم مېنىڭ، مەدھىيىلەيدۇ كۈي-سازىم مېنىڭ. پەخىرلەنسەم ئۇلاردىن ھەر چاغ، كۆكنى قۇچار ئاۋازىم مېنىڭ. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قولغا كەلتۈرمەك، ئېرىشمەك، قازانماق، ئىگە بولماق:[مىسال:] زەپەر قۇچماق. غەلىبە قۇچماق.

قۇدا

  • قۇدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈيئوغۇل ۋە كېلىننىڭ ئاتا-ئانىلىرى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] ئەر قۇدا. چىشى قۇدا. قۇدا بولۇشماق. قۇدا چۈشمەك.

قۇدا-باجا

  • قۇدا-باجا[يەشمىسى:] قۇدا ۋە قۇدا تەرەپنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

قۇدا-باجىلىق

  • قۇدا-باجىلىق[يەشمىسى:] قۇدا-باجىلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى:[مىسال:] قۇدا-باجىلىق قىلىشماق.

قۇدرەت

  • قۇدرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خۇدانىڭ ھەرقانداق نەرسىگە، ھادىسىگە قادىر بولغان كۈچى؛ ئىلاھىي كۈچ:[مىسال:] خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن.[يەشمىسى:] ② كۈچ-قۇۋۋەت، مادار:[مىسال:] قۇدرەت تاپماق.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

قۇدرەتسىز

  • قۇدرەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇدرىتى يوق، قۇدرەتلىك ئەمەس؛ ئاجىز:[مىسال:] قۇدرەتسىز ئادەم.

قۇدرەتسىزلىك

  • قۇدرەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇدرىتى يوقلۇق، ئاجىزلىق.

قۇدرەتلەنمەك

  • قۇدرەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇدرەتكە ئىگە بولماق، قۇدرەت تاپماق، كۈچەيمەك.

قۇدرەتلىك

  • قۇدرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇدرىتى بار، قۇدرەت تاپقان؛ كۈچلۈك:[مىسال:] قۇدرەتلىك دۆلەت.

قۇدۇق

  • قۇدۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۇ ئېلىش مەقسىتىدە قېزىلغان تېرەن چوڭقۇرلۇق:[مىسال:] قۇدۇق سۈيى.[يەشمىسى:] ② يەر ئاستى گازى، نېفىت ۋە كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېلىش ياكى يەر، تۇپراقنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قېزىلغان ناھايىتى تېرەن ئورا:[مىسال:] نېفېت قۇدۇقى.

قۇدىچىلىق

  • قۇدىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇدىلىق مۇناسىۋەت، قۇدىدارچىلىق:[مىسال:] قۇدىچىلىق قىلماق.

قۇدىدارچىلىق

  • قۇدىدارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇدا بولۇشۇش، قۇدىچىلىق، قۇدىلىق:[مىسال:] ئانا بۇ يېڭى قۇدىدارچىلىق ئۈستىدە قىزى بىلەن ئوچۇق سۆزلەشمەكچى بولدى.

قۇدىلاشماق

  • قۇدىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇدىلىق مۇناسىۋەت ئورناتماق، قۇدا بولماق:[مىسال:] مامۇت سەمەر بىلەن قۇدىلاشتى.

قۇدىلىق

  • قۇدىلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇدىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت:[مىسال:] قۇدىلىق ئورناتماق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇدىلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان:[مىسال:] قۇدىلىق مۇناسىۋەت.

قۇر Ⅰ

  • قۇر Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېسسى قىلىپ ئېشىلگەن؛ يېسسى، ياپىلاق:[مىسال:] قۇر ئارغامچا. قۇر بەلۋاغ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېسسى قىلىپ ئېشىلگەن يۇڭ ئارغامچا.

قۇر

  • قۇر [يەشمىسى:] ① Ⅱ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن خەتنىڭ ھەربىر رەت تەرتىپى:[مىسال:] بەتنىڭ قۇرى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەرگە تېرىلغان، تىكىلگەن ئۆسۈملۈكنىڭ ھەربىر قاتارى، رېتى:[مىسال:] كېۋەزنىڭ قۇرى. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] («بىر» سۆزى بىلەن بىللە كېلىپ) قېتىم، نۆۋەت، مەرتىۋە:[مىسال:] بىر قۇر ئايلانماق. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] يۈرۈش، پار (كىيىم-كېچەك ھەققىدە):[مىسال:] بىرقۇر يېڭى كىيىم.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قۇرى بار نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ كىتابنىڭ بىر بېتىگە 30 قۇر خەت پاتىدۇ.

قۇرⅢ

  • قۇرⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] توخۇ ئائىلىسىدىكى ئورماندا ياشايدىغان، ئوۋ قىلىنىدىغان بىر خىل قۇش.

قۇراشتۇرغۇزماق

  • قۇراشتۇرغۇزماق[يەشمىسى:] «قۇراشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇراشتۇرما

  • قۇراشتۇرما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇراشتۇرۇش ئاساسىدا ياسالغان، قۇراشتۇرۇلغان:[مىسال:] قۇراشتۇرما ئۆي.

قۇراشتۇرماق

  • قۇراشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پارچە-پارچە نەرسىلەرنى جايى-جايىغا ئەكىلىپ ياسىماق، بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلماق:[مىسال:] ماشىنا قۇراشتۇرماق.[يەشمىسى:] ② مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ بىر سىستېمىغا كىرگۈزمەك:[مىسال:] ھېكايە قۇراشتۇرماق.

قۇراشتۇرۇشماق

  • قۇراشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قۇراشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇراشتۇرۇلما

  • قۇراشتۇرۇلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇراشتۇرۇلغان، قۇراشتۇرۇلىدىغان:[مىسال:] قۇراشتۇرۇلما سىغىم.

قۇراشتۇرۇلماق

  • قۇراشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قۇراشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇراشما

  • قۇراشما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرۇلما، توقۇلما:[مىسال:] ئۆسمىسىمان قۇراشما.

قۇراقⅠ

  • قۇراقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇراشتۇرۇلغان:[مىسال:] قۇراق چاپان. قۇراق كۆرپە.

قۇراقⅡ

  • قۇراقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىياقنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆسىدىغان بىر تۈرى.

قۇراقچى

  • قۇراقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى يىغىپ قۇراشتۇرغۇچى.

قۇراقلىماق

  • قۇراقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى يىغىپ قۇراشتۇرماق.

قۇرام

  • قۇرام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆمۈرنىڭ مەلۇم مەزگىلىگە قارىتىلغان مۆلچەر:[مىسال:] قۇرامىغا يەتمەك. [يەشمىسى:] ② [مىسال:] [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك تەرتىپى بويىچە، ياشقا قاراپ:[مىسال:] ئىككىيلەن سالام-تەزىم قىلىشىپ، قۇرام ئولتۇرۇشتى.

قۇراملىق

  • قۇراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەڭ ياشتىكى، دېمەتلىك:[مىسال:] ئاكام قۇراملىق بىر ئادەم ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

قۇرئان

  • قۇرئان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى.

قۇرئە

  • قۇرئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «پال»غا قاراڭ:[مىسال:] قۇرئە باقماق. قۇرئە سالماق.

قۇرئەنداز

  • قۇرئەنداز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+ب[[يەشمىسى:] «پالچى»غا قاراڭ:[مىسال:] ئوردا قۇرئەندازى.

قۇرب

  • قۇرب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈچ، قۇۋۋەت، مادار، قۇدرەت:[مىسال:] قۇربى يەتمەك.

قۇربان

  • قۇربان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ياخشى ئىش، ياخشى مەقسەت يولىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان، جان پىدا قىلغان كىشى:[مىسال:] قۇربان بولماق. ئۆزىنى قۇربان قىلماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەبىئىي ئاپەت، پالاكەت، كۆڭۈلسىز ئىش، ھادىسە قاتارلىقلار تۈپەيلى ھالاك بولغان ياكى زور زىيانغا ئۇچرىغان كىشى:[مىسال:] جاھالەت قۇربانى. [يەشمىسى:] بىرەر مەقسەتكە ئېرىشىش يولىدا تارتقان زىيان-زەخمەت، بەدەل، تالاپەت:[مىسال:] قۇربان بەرمەك.[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

قۇربان ھېيت

  • قۇربان ھېيت[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجرىيە ھېسابىدا 12-ئاينىڭ يەنى زۇلھەججىنىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ بىرنەچچە كۈن ئۆتكۈزىدىغان دىنىي بايرىمى.

قۇربانسىز

  • قۇربانسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قۇربان بەرمەي ياكى قۇربان قىلماي تۇرۇپ:[مىسال:] كۈرەش قۇربانسىز بولمايدۇ.

قۇربانلىق

  • قۇربانلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قۇربان ھېيتتا خۇدا يولىدا، گۆشى ھالال بولغان ئۆي ھايۋىنىنى سويۇش:[مىسال:] قۇربانلىق قىلماق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇربان قىلىشقا، قۇربان ھېيتقا ئاتاپ خۇدا يولىدا سويۇلغان ياكى سويۇلىدىغان:[مىسال:] قۇربانلىق قوي. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقا بىركىم، بىر تەرەپنىڭ ئىشى، مەقسىتى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئورۇنسىز، بىھۇدە تارتىلغان زور بەدەل، زىيان:[مىسال:] سەن پۈتۈنلەي ئورۇنسىز قۇربانلىققا ئايلىنىپ كەتتىڭ، سەن بۇنى تا ئۆلگۈچە چۈشەنمىدىڭ.

قۇربېشى

  • قۇربېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇر+باش+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] «مىڭبېشى»غا قاراڭ:[مىسال:] قۇربېشى بولماق.

قۇربېگى

  • قۇربېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇر+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] يەرلىك ئامانلىقنى ساقلاش قۇراللىق كۈچلىرى باشلىقى.

قۇرت

  • قۇرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① ھاشارات ۋە شۇ خىلدىكى كىچىك ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار:[مىسال:] كۆك قۇرت.[يەشمىسى:] ② بەزى ھاشاراتلار ۋە ئۇششاق ئورگانىزملار نامى تەركىبىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، ئېشەك قۇرتى، شىللىق قۇرت دېگەنگە ئوخشاش.[يەشمىسى:] ③ بەزى ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇمىدىن بارلىققا كېلىدىغان دەسلەپكى ھالىتى: ئالما قۇرتى.

قۇرتقا

  • قۇرتقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئانىسىنىڭ ئانىسى، مومىسى.

قۇرت-قوڭغۇز

  • قۇرت-قوڭغۇز[يەشمىسى:] قۇرت ۋە قوڭغۇز ۋە شۇ خىلدىكى ھاشاراتلار:[مىسال:] بۇ، ئادەمنىڭ ئاۋازى ئەمەس، قۇرت-قوڭغۇز ياكى ئۇچار قۇشنىڭ نالىسىمۇ ئەمەس ئىدى.

قۇرت-قۇمۇرلۇق

  • قۇرت-قۇمۇرلۇق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇرت-قۇڭغۇز.

قۇرتلاتماق

  • قۇرتلاتماق[يەشمىسى:] «قۇرتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇرتلۇق

  • قۇرتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچىدە، تەركىبىدە قۇرتى بار؛ قۇرت باسقان، قۇرتلىغان؛ ئىچىگە قۇرت چۈشكەن، قۇرت يېگەن:[مىسال:] قۇرتلۇق سۇ. قۇرتلۇق ئالما.

قۇرتلىماق

  • قۇرتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىچىدە، تەركىبىدە قۇرت پەيدا بولماق؛ قۇرت چۈشمەك، قۇرت باسماق:[مىسال:] قۇرتلىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

قۇرتئوت

  • قۇرتئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇرت+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] زەمبۇرۇغنىڭ بىر خىلى. تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىلىرىدا پارازىت ياشايدۇ. زىيانغا ئۇچرىغۇچى لىچىنكا قىش پەسلىدە تۇپراق ئىچىگە كىرىۋېلىپ تەدرىجىي ھالدا زەمبۇرۇغ تۈگۈنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ياز پەسلىدە زەمبۇرۇغ تۈگۈنچىسى ياكى ئۆلۈك قۇرۇتنىڭ تېنىدىن باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىش ئورگىنى ئۆسۈپ چىقىدۇ.

قۇرخانا

  • قۇرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] مەخسۇس قورال-ياراغ قويۇلغان ئۆي، يەر؛ قورال ئىسكىلاتى.

قۇرداش

  • قۇرداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېشى تەڭ، تەڭتۇش كىشىلەر:[مىسال:] دادام قۇرداشلىرى بىلەن پات-پات كۆرۈشۈپ تۇراتتى. ∥ مەن ئۇنىڭ بىلەن قۇرداش.

قۇرداشلىق

  • قۇرداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەڭ ياشلىق، تەڭتۇشلۇق:[مىسال:] قۇرداشلىق مۇناسىۋەت.

قۇرغاق

  • قۇرغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يامغۇر-يېشىنى كەم، يامغۇر-يېشىنى ئاز:[مىسال:] قۇرغاق رايون. قۇرغاق پەسىل.[يەشمىسى:] ② نەملىك، ھۆللۈك دەرىجىسى تۆۋەن:[مىسال:] قۇرغاق ھاۋا. قۇرغاق شامال.

قۇرغاقچىلىق

  • قۇرغاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇزاق ۋاقىت يامغۇر-يېشىن بولماي قېلىپ، زىرائەتلەر سۇسىز قالغان قۇرغاق ھالەت:[مىسال:] قۇرغاقچىلىق ئاپىتى.[يەشمىسى:] ② يېمەك-ئىچمىكى ئىقتىسادى كەمچىل ھالەت، قۇرۇقچىلىق:[مىسال:] ئىشلىگەن چىلىق-چىلىق، ئىشلىمىگەن قۇرغاقچىلىق (ماقال).

قۇرغاقلاشتۇرماق

  • قۇرغاقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قۇرغاقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرماق.

قۇرغاقلاشماق

  • قۇرغاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەملىكى تۈگىمەك، قۇرغاق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇزۇن مەزگىل يامغۇر ياغمىغانلىقتىن ئوتلاق قۇرغاقلىشىپ كەتكەنىدى.

قۇرغاقلىق

  • قۇرغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرغاق ھالەت:[مىسال:] ئۆينىڭ قۇرغاقلىقى. يەرنىڭ قۇرغاقلىقى.

قۇرغۇر

  • قۇرغۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇرۇپ كەتكۈر.

قۇرغۇزماق

  • قۇرغۇزماق[يەشمىسى:] «قۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇرغۇن

  • قۇرغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇرۇق+ئۇن[[يەشمىسى:] زۇۋۇلا قىلىنغان خېمىر ۋە يېيىلغان چۆپ، جىلىت قاتارلىقلارغا سېپىلىدىغان ئۇن:[مىسال:] قۇرغۇن سەپمەك. قۇرغۇن قىلماق.

قۇرغۇنلۇق

  • قۇرغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرغۇن قىلىشقا يەتكۈدەك ئۇن:[مىسال:] قۇرغۇنلۇق سورىماق.

قۇرغۇي

  • قۇرغۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ بىر خىلى. لاچىندىن كىچىكرەك، پەيلىرى كۈل رەڭ، قوڭۇر رەڭلىك، قورسىقى ئاقۇچ، قىزىل قوڭۇر، توغرا ئالىسى بار، پۇتى سېرىق، چىشىسى ئەركىكىگە قارىغاندا سەل چوڭ، كىچىك قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. قولغا ئۆگىتىلگەنلىرى بىلەن كىچىك قۇشلارنى ئوۋلاشقا بولىدۇ.

قۇرغۇيەك

  • قۇرغۇيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرغۇيغا ئوخشايدىغان جۇغى كىچىك بىر خىل قۇش.

قۇرلانماق

  • قۇرلانماق[يەشمىسى:] ① «قۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② قۇر ھالىتىگە كەلمەك، قۇر بولماق؛ تىزىلماق:[مىسال:] قۇرلىنىپ تۇرماق.

قۇرلىماق

  • قۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇر بويلىماق، قۇرنى ئاساس قىلماق:[مىسال:] قۇرلاپ تېرىماق.

قۇرماⅠ

  • قۇرماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توم چىۋىق، بادرىلاردىن زەمبىل شەكلىدە توقۇلۇپ لاي بىلەن سۇۋالغان:[مىسال:] ئۆي-ئىمارەتلەر تولىراقى توقۇلغان قۇرما تام، شۇ سەۋەب، ئولتۇرغىلى بولمايتتى ئەسلا بىخەتەر.

قۇرماⅡ

  • قۇرماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوڭراق ئۆي شەكلىدىكى كەپە.

قۇرماق

  • قۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن ۋە بۆلەكلەردىن يىغىپ-توپلاپ، بىرىكتۈرۈپ ياساپ چىقماق، سالماق؛ قۇراشتۇرماق:[مىسال:] ئىمارەت قۇرماق.[يەشمىسى:] ② يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرمەك، بەرپا قىلماق، ياراتماق، بىنا قىلماق:[مىسال:] تەشكىلات قۇرماق.[يەشمىسى:] ③ بىر يەرگە جايلاشتۇرماق، ئورناتماق، تىكلىمەك:[مىسال:] دۇكان قۇرماق. قاپقان قۇرماق.[يەشمىسى:] ④ تۈزمەك، قىلماق:[مىسال:] بەزمە قۇرماق.

قۇرمۇقۇر

  • قۇرمۇقۇر[يەشمىسى:] بىرقۇر-بىرقۇردىن، بىر قۇرنىمۇ قالدۇرماي.

قۇرۇت

  • قۇرۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكە ياكى كالا سۈتىنى ئۇيۇتۇپ قۇرۇتۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك:[مىسال:] قۇرۇت يېمەك. قۇرۇت ساتماق.

قۇرۇتچى

  • قۇرۇتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇرۇت ياسىغۇچى؛ قۇرۇت ساتقۇچى.

قۇرۇتقا

  • قۇرۇتقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بەھمەن ئائىلىسىدىكى پاكار چاتقال. ئېگىزلىكى 10 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇچلۇق بولۇپ، تاسما ياكى يىڭنە شەكلىدە كېلىدۇ، ئۇچى قاتتىق بولىدۇ. گۈلىنىڭ رەڭگى سۆسۈن قىزىل كېلىدۇ. شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان.

قۇرۇتماق

  • قۇرۇتماق[يەشمىسى:] «قۇرۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۆل كىيىمنى قۇرۇتماق. گۈلە قۇرۇتماق.

قۇرۇتۇلماق

  • قۇرۇتۇلماق[يەشمىسى:] «قۇرۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قوغۇن پىشقان ھامان ئوردىغا توشۇلۇپ تۇرۇلاتتى ۋە ئوردا ئۈچۈن قاق قۇرۇتۇلاتتى.

قۇرۇشماق

  • قۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار باداشقان قۇرۇشۇپ ئولتۇردى.

قۇرۇق

  • قۇرۇق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۈيى، نېمى تۈگىگەن، قۇرىغان، ھۆلنىڭ ئەكسى:[مىسال:] قۇرۇق ئوتۇن. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقا نەرسە ئارىلاشتۇرۇلمىغان ياكى ئارىلاشتۇرماي؛ يالغۇز:[مىسال:] ناننى قۇرۇق يېمەك. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچىدە ھېچنېمە يوق، ئىچى بوش:[مىسال:] قۇرۇق قۇتا. قۇرۇق ھارۋا. قۇرۇق سېۋەت. * قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس (ماقال). [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يەپ-ئىچمەي، مېھمان بولماي:[مىسال:] رەنجىشمىسىلە، قۇرۇقلا قايتىشتىلا، بەك سەت بولدى، دېدى ئۇ بىزنى ئۇزىتىپ چىقىپ.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەتىجىسىز، بىكارغا، بىھۇدە:[مىسال:] قۇرۇق قالماق.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمەلىيىتى يوق، سەمىمىي بولمىغان، باشقىلارنى ئالدايدىغان، يالغان، ساختا:[مىسال:] قۇرۇق ۋەدە بەرمەك.⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچبىر رولى، ئەھمىيىتى يوق؛ رولى، ئەھمىيىتى قالمىغان:[مىسال:] قۇرۇق گەپ. قۇرۇق پاراڭ.⑧ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھېچبىر ئىش قىلماي، بىكار:[مىسال:] قۇرۇق ئولتۇرماق.⑨ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز:[مىسال:] قۇرۇق گۇمان قىلماق.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، كۈچىدىن قالغان:[مىسال:] قۇرۇق نەزەرىيە. قۇرۇق ئىستەك.11 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەقەت ئېغىزدىلا قىلىنغان، ئېغىز يۈزىدىلا، ئاغزىدىلا دەپ قويۇلغان:[مىسال:] قۇرۇق تەكلىپ.

قۇرۇق ئەمچەك سالماق

  • قۇرۇق ئەمچەك سالماق[يەشمىسى:] كىشىنى گوللايدىغان، ئەمەلگە ئاشمايدىغان ۋەدىنى بەرمەك؛ گوللىماق.

قۇرۇقتىن-قۇرۇق

  • قۇرۇقتىن-قۇرۇق[يەشمىسى:] ① قۇرۇق قول، ھېچ نەرسىسى يوق، ھېچ نەرسە كۆتۈرمەي:[مىسال:] قۇرۇقتىن-قۇرۇق قانداق كېتىمەن دېدى موللازەيدىن.[يەشمىسى:] ② ھېچبىر ئاساسسىز، بىكاردىن-بىكار:[مىسال:] قۇرۇقتىن-قۇرۇق سۆزلىمەك.

قۇرۇقچىلىق

  • قۇرۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەممە يەر قۇرىغان، قۇرۇپ قالغان ياكى قۇرۇپ كېتەي دەپ قالغان ھالەت: دالىلارنى قۇرۇقچىلىق قاپلىماق.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن بىرەر ئائىلىدە گۆش-ياغ، ئۇن، كۆكتات، يەل-يېمىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۈندىلىك تۇرمۇشقا جىددىي زۆزۈر بولغان نەرسىلەر ئۆكسۈپ قالغان ۋە كەم ياكى يوق بولغان ئەھۋال؛ ئۈزۈكچىلىك:[مىسال:] قۇرۇقچىلىق بولماق.

قۇرۇقداتماق

  • قۇرۇقداتماق[يەشمىسى:] «قۇرۇقدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇرۇقداشماق

  • قۇرۇقداشماق[يەشمىسى:] «قۇرۇقدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇرۇقدالماق

  • قۇرۇقدالماق[يەشمىسى:] «قۇرۇقدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇرۇقدىماق

  • قۇرۇقدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھۆل بىرنەرسىنىڭ ئورنىغا قۇرۇقىنى ئالماشتۇرماق؛ قۇرۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] بالىنىڭ ئاستىنى قۇرۇقدىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچى ياكى ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ ياكى يوقىتىپ، بوش، قۇرۇق ھالەتلەرگە كەلتۈرمەك؛ بوشاتماق؛ تۈگەتمەك:[مىسال:] ساندۇقنى قۇرۇقدىماق.[يەشمىسى:] ③ تۈگىمەك؛ ئۈگۈتسىرىمەك (تۈگمەن ھەققىدە):[مىسال:] تۈگمەن قۇرۇقداپ قالدى.

قۇرۇقشىمال

  • قۇرۇقشىمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەرەخنىڭ چالا قۇرۇپ قېلىش ھالىتى ياكى قۇرۇق بىلەن ھۆلنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ قېلىشى.

قۇرۇقلۇقⅠ

  • قۇرۇقلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① قۇرۇق بولغان ھالەت:[مىسال:] ھاۋانىڭ قۇرۇقلۇقى. [يەشمىسى:] ② سۇسىز قۇرۇق جاي، يەر:[مىسال:] لەھەڭ دەريانىڭ لېۋىگە كېلىپ، بېشىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ھاتەمنى قۇرۇقلۇققا پۈركىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ دېڭىز-ئوكياندىن باشقا قىسمى:[مىسال:] چوڭ قۇرۇقلۇق. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى.

قۇرۇقلۇقⅡ

  • قۇرۇقلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇرۇپ قويۇلغان، قۇرۇلغان:[مىسال:] ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇقلۇق، مەككار دۈشمەن كەلسە ئەگەر بۇياققا.

قۇرۇلتاي

  • قۇرۇلتاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆتمۈشتە موڭغۇل ۋە بەزى تۈركىي خەلقلەردە دۆلەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كاتتا يىغىلىشى، چوڭ يىغىن.[يەشمىسى:] ② دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئومۇمىي چوڭ يىغىن.

قۇرۇلما

  • قۇرۇلما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇرۇلغان، قۇرۇلىدىغان:[مىسال:] قۇرۇلما پولات. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ۋە تەشكىللىنىشى، تۈزۈلمە:[مىسال:] ئاتوم قۇرۇلمىسى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېغىرلىق كۈچى ۋە سىرتقى كۈچ چۈشىدىغان قىسمىنىڭ تۈزۈلۈشى:[مىسال:] قۇرۇلما بۆلىكى.

قۇرۇلماق

  • قۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ قۇملۇقتا ئالاھىدە دوختۇرخانا قۇرۇلۇپ خەلقنىڭ سالامەتلىكى، بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلاپتۇ.

قۇرۇلمىچىلىق

  • قۇرۇلمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەيئىلەرنى قۇرۇلما جەھەتتىن تەھلىل يۈرگۈزۈشنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان تەتقىقات ئۇسۇلى:[مىسال:] قۇرۇلمىچىلىق نەزەرىيىسى.

قۇرۇلمىشۇناس

  • قۇرۇلمىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەيئىلەرنى قۇرۇلما جەھەتتىن تەتقىق قىلىشنى تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي ۋاستىسى قىلغۇچى تەتقىقاتچى، ئالىم.

قۇرۇلمىلىق

  • قۇرۇلمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇرۇلمىغا ئىگە، قۇرۇلمىدىن تەركىب تاپقان:[مىسال:] ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەت.

قۇرۇلۇش

  • قۇرۇلۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① قۇرۇپ چىقىش، قۇرۇش، بىنا قىلىش ۋە ئۇنىڭغا باغلىق بولغان ئىشلار:[مىسال:] قوشۇن قۇرۇلۇشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆي سېلىش، يول ياساش، توما ۋە كۆۋرۈك قۇپۇرۇشقا ئوخشاش ئىشلار، بىناكارلىق:[مىسال:] قۇرۇلۇش ئىشچىسى. قۇرۇلۇش تېخنىكىسى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بىناكارلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جاي ياكى قۇرۇلۇۋاتقان ئوبيېكت:[مىسال:] قۇرۇلۇش ئورنى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەت، بىنا:[مىسال:] قۇرۇلۇش پۈتمەك.⑤ [يەشمىسى:] قۇرۇلما:[مىسال:] جۈملىنىڭ قۇرۇلۇشى.

قۇرۇم

  • قۇرۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] پاراشوك ھالەتتىكى قارا رەڭلىك قاتتىق ماددا. كاربون گىدرىتلار قىزدۇرۇلغاندا پارچىلىنىش ياكى تولۇق كۆيۈپ بولالماسلىق نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ. ئاساسلىق تەركىبى كاربون. كۆپىنچە تۇرۇبا، مورا تاملىرىغا يېپىشىۋالىدۇ. كاۋچۇك سانائىتىدە تولدۇرغۇچى ماتېرىيال قىلىنىپ، كاۋچۇكنىڭ قاتتىقلىقى ۋە سۈركىلىشكە چىداملىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

قۇرۇماق

  • قۇرۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۈيى، نېمى قاچماق؛ قۇرۇق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] قۇرغاقچىلىقتىن ئېتىز-ئېرىقلار قۇرىدى.[يەشمىسى:] ② كۆكلەشتىن توختىماق، كۆكلىمەس بولۇپ قالماق، نابۇت بولماق، ئۆلمەك (ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدە):[مىسال:] زىرائەت قۇرۇپ كەتمەك.[يەشمىسى:] ③ پېئىلنىڭ بۇيرۇق-تەلەپ رايىنىڭⅢشەخس بىرلىكىنىڭ قوشۇمچىسى «-سۇن» بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، «تۈگىسۇن، قالسۇن، ئاياغلاشسۇن، يوقال، يوقالسۇن، يىراققا ئاپار» دېگەنمەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئېسىم قۇرۇسۇن. قېرىلىق قۇرۇسۇن.

قۇرۇمداشماق

  • قۇرۇمداشماق[يەشمىسى:] «قۇرۇمدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇرۇمدالماق

  • قۇرۇمدالماق[يەشمىسى:] «قۇرۇمدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇرۇمدىماق

  • قۇرۇمدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇرۇمنى ئېلىۋەتمەك، تازىلىماق:[مىسال:] تۇرخۇننى قۇرۇمدىماق.

قۇرۇملۇق

  • قۇرۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇرۇمى بار، قۇرۇم باغلىغان، قۇرۇم قاپلىغان:[مىسال:] قۇرۇملۇق تۇرخۇن.

قۇرىماق

  • قۇرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەر خىل پارچە-پارچە رەخت، رەختنىڭ پۇرۇچلىرى ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ، قوشۇپ، بىرەر پۈتۈنلۈك، پۈتۈن نەرسە ھاسىل قىلماق.

قۇز

  • قۇز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەسكەي.

قۇززات

  • قۇززات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قازىلار، سودىيەلەر، مەھكىمىدە ھۆكۈم قىلغۇچىلار.

قۇزغۇن

  • قۇزغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قاغا تىپىدىكى بىر خىل تاپ قۇشى، تېنى قاغىدىن سەل چوڭ ۋە ھەممە يېرى تۇم قارا كېلىدۇ. ئۆزى بىرەر جانلىقنى ئالالمايدۇ، پەقەت ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەنلا ئوزۇقلىنىدۇ.

قۇستە

  • قۇستە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بويى ئېگىز، ئوق يىلتىزى يوغان ۋە سىلىندىر شەكلىدە، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە. گۈلى نەيچىسىمان، رەڭگى تۇتۇق سۆسۈن ۋە باشسىمان گۈل رېتىدە، ئۇرۇق مېۋىسى يىپسىمان كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە يىلىتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، تولغاققا مەنپەئەت قىلىش رولىغا ئىگە.

قۇستۇرغۇچ

  • قۇستۇرغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېگەن نەرسىلىرىنى قۇستۇرۇش، ياندۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان:[مىسال:] قۇستۇرغۇچ دورا.

قۇستۇرماق

  • قۇستۇرماق[يەشمىسى:] «قۇسماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دورىنى قۇستۇرماق.

قۇستۇرۇلماق

  • قۇستۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قۇستۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇسماق

  • قۇسماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېگەن-ئىچكەن نەرسىلىرى قورسىقىدىن يېنىپ كەتمەك. ياندۇرۇپ تاشلىماق، قەي قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئىككى قېتىم قۇسۇۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېلىۋالغانلىرىنى ئىلاجسىز قايتۇرماق، قايتۇرۇپ بەرمەك:[مىسال:] ئۇ تويمىغۇر مۇناپىق ئاخىر ناتوغرا يوللار بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان پۇللارنى قۇستى.

قۇسۇر

  • قۇسۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەمچىلىك، نۇقسان، ئەيىب، ئېۋەن، ئىللەت:[مىسال:] قۇسۇر تاپماق.

قۇسۇرچى

  • قۇسۇرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن، گەپ-سۆزىدىن قۇسۇر تېپىپلا يۈرىدىغان كىشى:[مىسال:] ئۇ تازىمۇ بىر قۇسۇرچى نېمىكەن.

قۇسۇرسىز

  • قۇسۇرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇسۇرى، ئەيىبى يوق؛ قۇسۇرى بولمىغان:[مىسال:] قۇسۇرسىز ئادەم.

قۇسۇشماق

  • قۇسۇشماق[يەشمىسى:] «قۇسماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇسۇق

  • قۇسۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشقازاندىن يېنىپ كەتكەن، قۇسۇپ تاشلانغان نەرسە؛ قەي:[مىسال:] قۇسۇقنى ئادالىماق.

قۇش

  • قۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر سىنىپى. تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق بولىدۇ. تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. ئېغىزىدا چىشى يوق، پۈتۈن تېنىدە پەي-تۈكلەر ۋە كۆكرىكىدە تۆش ئۆسۈكى بولىدۇ. ئالدى ئايىغى قاناتقا ئۆزگەرگەن، ئارقا ئايىغى بىلەن ماڭىدۇ. قۇشلار ئومۇمەن ئۇچالايدۇ. بەزىلىرىنىڭ قاناتلىرى رودىمېنتلاشقان بولۇپ ئۇچالمايدۇ. قۇشلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاق قۇشقاچ، قارلىغاچ، لاچىن، توخۇ، ئۆردەك، تۆگىقۇشى قاتارلىقلار قۇش تىپىغا كىرىدۇ.

قۇشبېگى

  • قۇشبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇش+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئوۋغا چىققاندا ئىشلىتىدىغان قارچىغا، بۈركۈت، شۇڭقار، لاچىنلارنى باققۇچىلارغا قارىغۇچى ۋە ئۇلارغا نازارەت قىلغۇچى كىشى.

قۇشچى

  • قۇشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوۋ قۇشلىرىنى باقىدىغان ۋە ئوۋ قۇشى بىلەن ئوۋ ئوۋلايدىغان كىشى.

قۇشچىلىق

  • قۇشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش، ئۆستۈرۈش، يېتىشتۈرۈش كەسپى، ئىشى:[مىسال:] قۇشچىلىق فېرمىسى.

قۇشخانا

  • قۇشخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى بوغۇزلاپ سويۇشقا تەييارلانغان مەخسۇس جاي.

قۇشقاچ

  • قۇشقاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. بېشى يۇمىلاق، قۇيرۇقى قىسقا، تۇمشۇقى كونۇس شەكلىدە، بېشىنىڭ چوققىسى بىلەن بوينى زىغىر رەڭ، دۈمبىسى قوڭۇر ۋە ئۈستىدە قارا قوڭۇر ئارىلاش كەلگەن سەپكۈنلىرى بولىدۇ. قۇيرۇقى توق قوڭۇر، قىسقا ھەم كىچىك كېلىدۇ. ئۇزاققا ئۇچالمايدۇ، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ. دان ۋە ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

قۇشقاچتىل

  • قۇشقاچتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇشقاچ+تىل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قامچىئوت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى كىچىك، ھال رەڭ. ئۇرۇق مېۋىسى ئۈچ قىرلىق، رەڭگى قارا. يەر ئۈستى قىسمى دورا بولىدۇ، ھۆل ئىسسىقنى قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە.

قۇشقونماس

  • قۇشقونماس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇش+قونماس[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] غول، يوپۇرماقلىرىدا ئۆتكۈر تىكەنلىرى بار ۋە قۇشلارنىڭ قونۇشىغا قۇلايسىز بولغان ئۆسۈملۈكلەر.

قۇشقۇن

  • قۇشقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەر، چوم، ئۇچۇلۇقلارنىڭ ئالدى تەرەپكە كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلاغنىڭ قۇيرۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ تارتىپ قويۇلىدىغان تاسما، ئۇلاڭ.

قۇشقۇنغا ئولتۇرماق

  • قۇشقۇنغا ئولتۇرماق[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەتكە ۋەدە بېرىپ قويۇپ كەينىگە يېنىۋالماق.

قۇشلاتماق

  • قۇشلاتماق[يەشمىسى:] «قۇشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇشلاشماق

  • قۇشلاشماق[يەشمىسى:] «قۇشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇشلانماق

  • قۇشلانماق[يەشمىسى:] «قۇشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇشلىماق

  • قۇشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئوۋ قۇشلىرىنى توشقان قاتارلىقلارنى تۇتۇشقا سالماق، ئوۋ قۇشلىرى بىلەن ئوۋ ئوۋلىماق:[مىسال:] قارچىغا قۇشلىماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇترىتىپ كۈشكۈرتۈپ ئەۋەتمەك، يولغا سالماق:[مىسال:] رەۋىخان بىر تالاي ۋالاقلىشىپ گۈلقىزنى قۇشلىدى. گۈلسۈمخانمۇ ئۇنىڭغا يان بېرىپ، قىزىنى قايتىشقا قىستىدى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] سەلب.[يەشمىسى:] قولغا كەلتۈرمەك، قولغا چۈشۈرمەك؛ ئوينىماق:[مىسال:] قىز قۇشلىماق.

قۇشناچ

  • قۇشناچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىمام-مەزىن، ئاخۇن، موللا ۋە شۇنىڭدەك ياشقا چوڭراق بولغان دىنىي زاتلارنىڭ مەزلۇملىرىنى ھۆرمەتلەپ ئاتاشتا قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللىكامنىڭ ئوتيېشى (ماقال).

قۇل

  • قۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە خۇسۇسىي مۈلۈك، مال-دۇنيا قاتارىدا ئېلىپ سېتىلغان، تەقدىرى پۈتۈنلەي قۇلدارغا قاراشلىق بولغان، ئۆزى ھېچقانداق ھوقۇق ۋە مال-مۈلۈككە ئىگە بولمىغان چاكار:[مىسال:] قۇل بازىرى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىركىمگە، بىرنەرسىگە قاتتىق بېرىلگەن كىشى، ئۇنىڭ پىدائىيسى:[مىسال:] خوتۇن كىشى — تۆت تامنىڭ قۇلى (ماقال).

قۇلا

  • قۇلا [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قوڭۇر سېرىق(ئاتنىڭ رەڭگى ھەققىدە):[مىسال:] قۇلا ئات. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق رەڭلىك ئات:[مىسال:] نېمىلەرنىدۇر دېدى ئاز-تولا، تارتتى تىزگىنىنى ئايلاندى قۇلا.

قۇلاق

  • قۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئاڭلاش ئورگىنى. [يەشمىسى:] ② بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىلىپ قويۇش، كۆتۈرۈش قاتارلىقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى:[مىسال:] چېلەكنىڭ قۇلىقى. [يەشمىسى:] بەزى باش كىيىملىرىنىڭ قۇلاقنى يېپىپ تۇرۇش ياكى ئىسسىتىش ئۈچۈن چۈشۈرۈپ قويۇلىدىغان ئۇزۇن قىسمى:[مىسال:] ئۇ ئىككى قۇلىقىنى كەينىگە قايرىپ باغلىۋالغان قۇلاقچىسىنى بېشىدىن ئالدى. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] بەزى مېخانىزم ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنىڭ بۇراپ ئىشقا چۈشۈرۈش ياكى سازلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى:[مىسال:] دۇتارنىڭ قۇلىقى. ساتارنىڭ قۇلىقى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكنىڭ دەسلەپكى چىقارغان يوپۇرمىقى، بەرگى ياكى بىخى:[مىسال:] كۆممىقوناق مايسىلىرى ئۈچ قۇلاق بولۇپ ئۆستى.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىڭتىڭچى:[مىسال:] بىلال ئەزىزى ئاۋازىنى سەل پەسەيتىپ: ھازىر گومىنداڭ ساقچى ئورگانلىرى قۇلاقلىرىنى شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە يول بېكەتلىرىگە تېرىقتەك تېرىۋەتتى، دېدى.

قۇلاق ئاغرىتماق

  • قۇلاق ئاغرىتماق[يەشمىسى:] ئاۋارە قىلماق، بىزار قىلماق:[مىسال:] قۇلاقنى ئاغرىتىدىغان گەپلەر.

قۇلاق كەستى

  • قۇلاق كەستى[يەشمىسى:] كەپسىزلىك قىلىپ ئىش تېرىپلا يۈرىدىغان، يامان ئىش قىلىدىغان ناچار بالىلارنى ھاقارەتلەپ ئېيتىلىدىغان ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] قۇلاق كەستىلەردىن بىرەسى ئىش تېرىپ يۈرمىسۇن يەنە.

قۇلاقنى يوپۇرماق

  • قۇلاقنى يوپۇرماق[يەشمىسى:] ئاڭلىماسقا، بىلمەسكە سالماق:[مىسال:] شەۋكەت، دېدىم مەن سەمىمىي ھالدا، بىز مۇنداق قۇلاقنى يوپۇرۇپ يۈرۈۋەرسەك بولمايدۇ.

قۇلىقى دىڭ

  • قۇلىقى دىڭ[يەشمىسى:] خەۋەر ئاڭلاشقا، خەۋەردار بولۇشقا تەييار، ناھايىتى سەگەك، ھوشيار:[مىسال:] قۇلىقى دىڭ بولماق. * مەيدان تىۋىشسىز، ھەممىنىڭ قۇلىقى دىڭ.

قۇلىقى قىزىماق

  • قۇلىقى قىزىماق[يەشمىسى:] يىراقتا بىراۋ ئۇنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولماق:[مىسال:] قۇلىقىم قىزىۋاتىدۇ، كىم گېپىمنى قىلىۋاتىدىكىنە.

قۇلىقى ئۇزۇن

  • قۇلىقى ئۇزۇن[يەشمىسى:] خەۋەر-ئۇچۇرلارنى تېز ئاڭلىۋالىدىغان:[مىسال:] تۈرمىدە ياتقانلارنىڭ قۇلىقى ئۇزۇن بولىدۇ.

قۇلىقى يۇمشاق

  • قۇلىقى يۇمشاق[يەشمىسى:] گەپ ئاڭلايدىغان؛ كىشىنىڭ سۆزىگە، نەسىھىتىگە كىرىدىغان؛ رايىش:[مىسال:] ئۇ بالا ئوبدان، قۇلىقى يۇمشاق، نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىدۇ.

قۇلاقچا

  • قۇلاقچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرپە، تېرە، رەخت قاتارلىقلاردىن ئىككى تەرىپىگە ئىككى قۇلاق چىقىرىپ تىكىلىدىغان قىشلىق باش كىيىمى.

قۇلاقچۆپ

  • قۇلاقچۆپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇلاق+چۆپ[[يەشمىسى:] ① ئەتلەس دۇكىنىدا تۈرگىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈرگىنىڭ ئوڭ بېشىغا ئورنىتىلغان تۇتقۇ.[يەشمىسى:] ② گىلەم دۇكىنىدا توغرا ياغاچنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىككى پاچاقنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 50 — 60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېتىق.

قۇلاقچېچەك

  • قۇلاقچېچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇلاق+چېچەك[[يەشمىسى:] ئالتۇندىن ياسالغان، ئوتتۇرىسىغا ياقۇت، ئىككى تەرىپىگە مەرۋايىتتىن كۆز قويۇلغان چازا. ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قۇلاق ئۈستىدىكى چاچنى قىستۇرغاندا، ياقۇت، مەرۋايىت كۆزلۈك گۈللىرى قۇلاق ئۈستىدە گۈل قىسقاندەك كۆرۈنىدۇ.

قۇلاقچىلىق

  • قۇلاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلاقچىسى بار، قۇلاقچا كىيگەن:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بىرى يېلىڭ شەپكە، بىرى قۇلاقچىلىق ئىدى.

قۇلاقلاشماق

  • قۇلاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپلەشمەك، سۆزلەشمەك، دېيىشمەك، قۇلىقىغا گەپ قىلماق:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن خېلى بۇرۇنلا قۇلاقلاشقانىدىم.

قۇلاقلىق

  • قۇلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلىقى بار، قۇلاق چىقىرىلغان، قۇلاق ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ ئۇزىمايلا ئۆيدىن بىر قۇلاقلىق كورىدا ئاش كۆتۈرۈپ چىقتى.

قۇلاق-مېڭە

  • قۇلاق-مېڭە[يەشمىسى:] قۇلاق ۋە مېڭە:[مىسال:] قۇلاق-مېڭىسىنى يېمەك.

قۇلاقۋاغ

  • قۇلاقۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇلاق+باغ[[يەشمىسى:] ھارۋىنىڭ قۇلىقىنى بويۇنتۇرۇققا چاتىدىغان باغ.

قۇلان

  • قۇلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتتىن كىچىكرەك، ئېشەكتىن چوڭراق، ئاتقا قارىغاندا كۆپرەك ئېشەككە ئوخشاپ كېتىدىغان ياۋايى ھايۋان؛ ياۋايى قېچىر.

قۇلانلىق

  • قۇلانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلانى بار، قۇلانى بولغان:[مىسال:] ئەي مەلىكەم، دېيىشىپتۇ ئۇلار، ھەربىرىمىز ھەربىر تەرەپتىن، ھەربىرىمىز يەر-سۇلۇق، قۇللۇق، قۇلانلىق، ھۆكۈمدار، شاھزادىلەر.

قۇلاي

  • قۇلاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لايىق، مۇۋاپىق، ئەپلىك، ماس:[مىسال:] زاھىدە مۇنداق قۇلاي پۇرسەتنى قولدىن بېرىشنى خالىمىغانىدى.

قۇلايسىز

  • قۇلايسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇۋاپىق بولمىغان، ئەپسىز، قاملاشمىغان، نالايىق:[مىسال:] ئۇ يەرنىڭ قاتنىشى تولىمۇ قۇلايسىز ئىدى.

قۇلايسىزلىق

  • قۇلايسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلايسىز، ئەپسىز ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ كېلىشى پاتەمگە نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈردى.

قۇلايلاشتۇرماق

  • قۇلايلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قۇلايلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇلايلاشماق

  • قۇلايلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇلاي بولماق، قۇلاي ھالەتكە كەلمەك، ئەپلەشمەك، مۇۋاپىقلاشماق:[مىسال:] ئەمدى ئىشلىرىمىز خېلى قۇلايلىشىۋاتىدۇ، دېدى ئۇ موخوركىسىنى تۇتاشتۇرۇۋېتىپ.

قۇلايلىق

  • قۇلايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلاي، مۇۋاپىق بولغان شارائىت، ماس كېلىدىغان ئىمكانىيەت:[مىسال:] ئۇلار دېھقانلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بەردى.

قۇلپۇرۇش

  • قۇلپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قۇل ساتقۇچى كىشى، قۇل سودىگىرى.

قۇلچاق

  • قۇلچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] كىچىك قۇل.

قۇلچىلىق

  • قۇلچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن، پەس، ئەرزىمەس دەپ ھېسابلاش، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرۈش؛ قۇللۇق:[مىسال:] قۇلچىلىق قىلماق.

قۇلدار

  • قۇلدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇل ئىگىسى.

قۇلدارلىق

  • قۇلدارلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلغا قارىتا خۇسۇسىي ئىگىلىك:[مىسال:] قەدىمكى زامانلاردا بىرنەچچە كاتتا بايلار بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا قۇلدارلىق خېلى ئەۋج ئالغانىكەن. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇللار كۈچىدىن پايدىلىنىشقا ئاساسلانغان:[مىسال:] قۇلدارلىق جەمئىيەت.

قۇللاپ

  • قۇللاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىشىك-دېرىزە، يان ياغاچ، چېتىقلارنىڭ ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئورنىتىلغان چەمبەر.

قۇللارچە

  • قۇللارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قۇللارغا خاس ھالدا، قۇلدەك؛ ناھايىتى ياۋاشلىق بىلەن:[مىسال:] قۇللارچە بويسۇنماق.

قۇللاشتۇرماق

  • قۇللاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇلغا ئايلاندۇرماق، قۇللارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويماق، قۇل قىلماق.

قۇللۇق

  • قۇللۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇل بولغان ھالەت، قۇل بولۇش:[مىسال:] قۇللۇقتىن قۇتۇلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇللارغا ئائىت، قۇللارغا خاس:[مىسال:] قۇللۇق تۈزۈم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم..[يەشمىسى:] ئىتائەتمەنلىكنى، مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەيدىغان تەكەللۇپ سۆزى:[مىسال:] ھىكمەت ئۆزىگە ئۇدۇل قاراپ تۇرغان يىگىتتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ:[مىسال:] قۇللۇق، قۇللۇق ئىنىم ئاغزىڭىزغا شېكەر، دەپتۇ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىننەتدارلىق، رازىلىق:[مىسال:] قۇللۇق بىلدۈرمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتائەتمەنلىك:[مىسال:] قۇللۇق قىلماق.

قۇلماق

  • قۇلماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئۈجمە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە باشىقىنى پىۋا ئېچىتىشقا ئىشلەتكەندە، ئاچچىق تەم ۋە خۇشبۇي پۇراق كىرگۈزىدۇ. جۇڭيى دورىلىرىغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئاشقازاننى كۈچەيتىش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋە باشىقى.

قۇلماقلىق

  • قۇلماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلماق ئۆسكەن، قۇلماق تېرىغان يەر، جاي.

قۇلۇبناي

  • قۇلۇبناي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاغ بۆلجۈرگىنىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن مېۋىلىك دەرەخ. مېۋىسى يۈرەك شەكلىدە بولۇپ، چوڭلۇقى گىلاستەك، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئۈجمىگە ئوخشايدۇ، يەنى ئۇرۇقلىرى گۆشكە ئارىلاشقان ھالدا پوستى ئىچىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، پىشقاندا رەڭگى قىزىرىدۇ، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، سۇلۇق، يۇمشاق، شىرنىلىك، خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ. ئەڭ بالدۇر پىشىدۇ.

قۇلۇپ

  • قۇلۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىشىك، ساندۇق، تارتما قاتارلىقلارنى ئېتىش، بېكىتىش ئۈچۈن مېتالدىن ئاچقۇچ سېلىپ ئاچىدىغان قىلىپ ياسىلىدىغان بۇيۇم.

قۇلۇپساز

  • قۇلۇپساز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلۇپ، ئاچقۇچ قاتارلىقلارنى ياسايدىغان ئادەم:[مىسال:] شۇ چاغدا قۇلۇپسازلار كىرىپ كېلىشتى.

قۇلۇپسازلىق

  • قۇلۇپسازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئۇ ھازىرلا چىقىپ، قۇلۇپسازلىق گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە بۇيرۇق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇلۇپلاتماق

  • قۇلۇپلاتماق[يەشمىسى:] «قۇلۇپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشىكنى قۇلۇپلاتماق.

قۇلۇپلاشماق

  • قۇلۇپلاشماق[يەشمىسى:] «قۇلۇپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ياتاقلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى قۇلۇپلاشتى.

قۇلۇپلاقلىق

  • قۇلۇپلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلۇپلاپ ئېتىلگەن، قۇلۇپ سېلىنغان:[مىسال:] بۇ چاغدا رەخمەتنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىمۇ قۇلۇپلاقلىق ئىدى. ∥ مەن ئۆينىڭ قۇلۇپلاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

قۇلۇپلانماق

  • قۇلۇپلانماق[يەشمىسى:] «قۇلۇپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇلۇپلۇق

  • قۇلۇپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلۇپى بار، قۇلۇپ سېلىنغان، قۇلۇپلانغان:[مىسال:] ئۆي قۇلۇپلۇق تۇراتتى.

قۇلۇپلىماق

  • قۇلۇپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قۇلۇپ بىلەن ئەتمەك، قۇلۇپ ئېسىپ ياكى قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچىنى بۇراپ ئېچىلماس ھالىتىگە كەلتۈرمەك، ئاچقۇچسىز ئېچىلمايدىغان قىلماق:[مىسال:] ئىشىكنى قۇلۇپلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچ نەرسە دېيەلمەيدىغان قىلىپ قويماق، تۇۋاقلىماق:[مىسال:] بۇ گەپ ئۇنىڭ ئاغزىنى قۇلۇپلىدى.

قۇلۇلە

  • قۇلۇلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] يۇمشاق تەنلىك ھايۋان. تېنىنىڭ سىرتىنى كۇنۇسسىمان قاپچۇق ياكى ئۇرچۇقسىمان ۋە ئېللىپس شەكىللىك قاپچۇقلار ئوراپ تۇرىدۇ. ئۈستىدە بۇرما شەكىللىك سىزىقلىرى بولىدۇ. ئېتىز قۇلۇلىسى، دېڭىز قۇلۇلىسى قاتارلىق تۈرلىرى بار.

قۇلۇلىخور

  • قۇلۇلىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلۇلە يېيىشكە ئادەتلەنگەن، قۇلۇلە يەيدىغان:[مىسال:] قۇلۇلىخور بېلىق. قۇلۇلىخور قىليورغا.

قۇلۇلىسىمان

  • قۇلۇلىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى قۇلۇلىغا ئوخشايدىغان، قۇلۇلە شەكىللىك.

قۇلۇن

  • قۇلۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ياكى بىر ياشقا توشمىغان تايچىقى.

قۇلۇنچاق

  • قۇلۇنچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك قۇلۇن، يەنى ئاتنىڭ يېڭى تۇغۇلغان تايچىقى.

قۇلۇنچى

  • قۇلۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بوغماق ئۈچەيدە بولىدىغان بىر خىل ئاغرىق، سانجىق.

قۇلۇنلاتماق

  • قۇلۇنلاتماق[يەشمىسى:] «قۇلۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇلۇنلۇق

  • قۇلۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلۇنى بار، قۇلۇنلىغان:[مىسال:] قۇلۇنلۇق بايتال.

قۇلۇنلىماق

  • قۇلۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بايتال قۇلۇن تۇغماق:[مىسال:] تورۇق بايتال قۇلۇنلىغۇچە بەك قىينىلىپ كاردىن چىقىپ كەتتى.

قۇلىقەت

  • قۇلىقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇلاق+ئەت[[يەشمىسى:] بېلىقنىڭ باش تەرىپىگە، يەنى ساقاقنىڭ تۈۋىگە جايلاشقان بىر جۈپ قانات.

قۇم

  • قۇم [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] دانچىلار دېئامېتىرى mm2 - mm0. 1 بولغان، سېمونتلاشمىغان مىنېرال ۋە تاغ جىنس ئۇۋاقلىرى. ئاساسلىق تەركىبى كۋارتس، دالا شىپاتى، چىرىمتال قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن. ساپ كۋارتسلىق قۇم ئەينەك خام ئەشياسى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ:[مىسال:] قۇم يىغىلىپ تاش بولماس، قۇل يىغىلىپ باش بولماس (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ خىل شەكىلدىكى؛ ئۇششاق، ئۇۋاق:[مىسال:] قۇم شېكەر.

قۇم تەللە

  • قۇم تەللە[يەشمىسى:] گەپدان، تولا گەپ قىلىدىغان، گېپى تولا ئادەم:[مىسال:] بولدى، بولدى، بۇ قۇم تەللىنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋەرسەك، يامغۇردا قالىمىز، قېنى ماڭايلى، دېدى سەپەرقۇل.

قۇم توۋرىسى

  • قۇم توۋرىسى[يەشمىسى:] ئۇششاق گەپنى تولا قىلىدىغان، گېپى تۈگىمەيدىغان، قۇمدەك سۆزلەيدىغان ئادەم.

قۇما

  • قۇما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كەپتەر، توخۇ قاتارلىقلارنى سولاش ئۈچۈن چىۋىق ياكى ياغاچتىن ئاراچ-ئاراچ قىلىپ ياسالغان يازلىق كاتەك.

قۇماق

  • قۇماق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇم ئارىلاشقان، قۇمساڭ:[مىسال:] قۇماق توپا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جاراھەت ۋە باش تەمرەتكىسى ئۈستىدىكى كېپەكسىمان قاقاچ.

قۇماقلىق

  • قۇماقلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارىلاش قۇملۇق، قۇمساڭلىق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇمىقى بار، قۇماق باسقان.

قۇماي

  • قۇماي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاپ يەيدىغان بىرخىل قۇش، «غىلجىر سالۋا»، «تاپ قۇشى»مۇ دەيدۇ.

قۇم-بوران

  • قۇم-بوران[يەشمىسى:] قۇم ۋە بوران:[مىسال:] كۆچەت تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىشتىكى مەقسەت، قۇم-بورانلاردىن مۇداپىئە كۆرۈشتۇر.

قۇمچاق

  • قۇمچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پاقىلار ياكى چارپاقىنىڭ بالىسى. قارا رەڭلىك، سوقىچاق شەكىلدە، بېلىجانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ژابرىسى ۋە قۇيرۇقى بولىدۇ. سۇدا ياشايدۇ، قۇيرۇقى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئارقا، ئالدى ئاياغلىرى چىققاندىن كېيىن، قۇيرۇقى بارا-بارا قىسقىراپ ھەم يوقۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پاقا ياكى چار پاقىغا ئايلىنىدۇ.

قۇمداتماق

  • قۇمداتماق[يەشمىسى:] «قۇمدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇمداشماق

  • قۇمداشماق[يەشمىسى:] «قۇمدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇمدالماق

  • قۇمدالماق[يەشمىسى:] «قۇمدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇمدىماق

  • قۇمدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇمغا سۈركىمەك، بىلىمەك ياكى قۇمنى سۈرتمەك، قۇم بىلەن ئېرتماق:[مىسال:] ئۇنىڭ بېشى قۇمداپ قويغان يۇغان مىس چۆگۈندەك قىپقىزىل پارقىراپ تۇراتتى.

قۇمساز

  • قۇمساز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇمساڭ.

قۇمساق

  • قۇمساق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇمساڭ.

قۇمساڭ

  • قۇمساڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇم ئارىلاش، قۇمى بار، قۇمسال:[مىسال:] قۇمساڭ توپا. قۇمساڭ يەر. ∥ قۇمساڭدا ئېغاڭلاپ ئاران كېتىۋاتقان ئاپتوبۇس ئۈچۈن ئاشۇ يىگىتنىڭ توختىماي قىمىرلاپ تۇرغان قوپال گەۋدىسى بىردىنبىر نىشان ئىدى.

قۇمساڭغۇ

  • قۇمساڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇم تەركىبى، قۇمى جىقراق:[مىسال:] قۇمساڭغۇ يەر.

قۇمسىرىماق

  • قۇمسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇم تەلەپ قىلماق، قۇم باغلاش ۋاقتى بولۇپ قالماق (پىچاق چاقلايدىغان چاق ھەققىدە):[مىسال:] چاق قۇمسىراپتۇ.

قۇمغان

  • قۇمغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇم كوزا، كومزەك، خۇمرا.

قۇمقۇرتى

  • قۇمقۇرتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇم+قۇرت+ى[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ بىر سىنىپى. تېنى كانايسىمان، بوغۇملىرى ئېنىق ئەمەس، قىلچىقلىرى يوق، يۈزىدە ئۇزۇنىغا ۋە توغرىسىغا كەتكەن قۇرۇلمىلىرى بار. ئالدىنقى تەرىپىدە توم، ئۇزۇن، قىسقىرالايدىغان تۇمشۇقى بولىدۇ. تۇمشۇقىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا تۇتقۇچى قوللىرى بولۇپ، ئېچىلغاندا يۇلتۇزغا ئوخشاپ كېتىدۇ. دېڭىز تېگىدىكى قۇم لاتقىلىرىدا ۋە خادا تاشلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ.

قۇملاشماق

  • قۇملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇم باسماق، قۇم بىلەن قاپلانماق؛ قۇمغا ئايلانماق:[مىسال:] ئېتىزلار قۇملاشماق.

قۇملۇق

  • قۇملۇق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇمى بار، قۇم ئارىلاشقان:[مىسال:] قۇملۇق تۇپراق. قۇملۇق ساپال. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇم باسقان، قۇم بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] تەكلىماكان قۇملۇقى.

قۇممەت

  • قۇممەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر خىلى.

قۇمۇل ۋاڭلىرى مەخبەرەتلىكى

  • قۇمۇل ۋاڭلىرى مەخبەرەتلىكى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:]يەشمىسى قۇمۇل ۋاڭلىرى مەخبەرەتلىكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇمۇل ۋاڭلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەخبەرەتلىكى بولۇپ، قۇمۇل شەھەرئىچى يېزىسىنىڭ ئالتۇنلۇق كەنتىگە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 20 مو كېلىدۇ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتقلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى.

  • قۇمۇل ۋاڭلىرى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇمۇلنىڭ ئۇيغۇر فىئودال ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. 1697-يىلى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارخان بېگى ئەبەيدۇللا چىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ غالدان توپىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، «1-دەرىجىلىك جاساق تارخان» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، خوشۇت تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن. كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولسا، ۋاڭگۇڭ بېيزى، بېيلېدىن چىنۋاڭلىققىچە ئۆستۈرۈلگەن. 4-ئەۋلاد يۈسۈپ ۋاڭ بولسا، جۈنۋاڭلىق مەرتىۋىسىگە كىرگۈزۈلگەن. 7-ئەۋلاد بىشىر ۋاڭ ئالەمدىن ئۆيكەندىن كېيىن چىنۋاڭلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن. قۇمۇل ۋاڭلىرى 1697-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە 9 ئەۋلاد (223 يىل) ھۆكۈم سۈرگەن.

  • بۇ مەخبەرەتلىكتە تىپىك ئىسلام بىناكارلىقى ئۇسلۇبىدىكى 7-ئەۋلاد بىشىر ۋاڭ مەخبەرەتلىكى ۋە ھېتگاھ جامەسى؛ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن يەرلىك بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن تەيجىلەر مۇنارىسى؛ 9-ئەۋلاد شاھ مەخسۇت ۋاڭ مۇنارىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ساقلانغان.

  • قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ جۇرۇڭقىيى

  • 1-ئەۋلاد ئەبەيدۇلا مىلادى 1697-يىلىدىن 1709-يىلىغىچە 1-دەرىجىلىك جاساق تارخان بولغان.

  • 2-ئەۋلاد گويا بەگ 1709-يىلىدىن 1711-يىلىغىچە 1-دەرىجىلىك جاساق تارخان بولغان.

  • 3-ئەۋلاد ئىمىن 1711-يىلىدىن 1740-يىلىغىچە گۇشەنبېيزى بولغان.

  • 4-ئەۋلاد يۈسۈپ 1740-يىلىدىن 1766-يىلىغىچە جۈنۋاڭ دولو بېيلې بولغان.

  • 5-ئەۋلاد ئىسھاق 1766-يىلىدىن 1780-يىلىغىچە جۈنۋاڭ شىيەن دولو بېيلې بولغان.

  • 6-ئەۋلاد ئەردىشىر 1780-يىلىدىن 1813- يىلىغىچە جۈنۋاڭ دولو بېيلې بولغان.

  • 7-ئەۋلاد بىشىر 1813-يىلدىن 1867-يىلىغىچە خېبو چىنۋاڭ دولو جۈنۋاڭ بولغان.

  • 8-ئەۋلاد غۇلام مۇھەممەت 1867-يىلىدىن 1887-يىلىغىچە چىنۋاڭ دولو جۈنۋاڭ بولغان.

  • 9-ئەۋلاد شاھ مەخسۇت 1881-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە شۇاڭچىنۋاڭ دولو جۈنۋاڭ بولغان.

قۇمىق

  • قۇمىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن رۇسىيىنىڭ داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدۇ. تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ قىپچاق-پولوۋ تىللىرى تارمىقىغا كىرىدۇ. ئۇلار دەسلەپ ئەرەب يېزىقى، ئاندىن لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتكەن. 1939-يىلدىن باشلاپ رۇس ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

قۇمىلاق

  • قۇمىلاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مايىقى:[مىسال:] رەختنىڭ ئۈستىدە بولسا قوينىڭ قۇمىلىقىدەك يوغانلىقتىكى ئۇششاق تاشلار تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇمىلاق شەكىلدىكى، شەكلى قۇمىلاققا ئوخشايدىغان:[مىسال:] قۇمىلاق تاش.

قۇمىلاقچى

  • قۇمىلاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پالچى»غا قاراڭ:[مىسال:] قۇمىلاقچى ئالدىدىكى ئۇششاق تاشلارنى بىر يەرگە جەم قىلدى.

قۇنتلاپ

  • قۇنتلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەستايىدىل، ئىنچىكىلەپ.

قۇندۇز

  • قۇندۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. چاشقانغا ئوخشايدۇ. ئارقا پۇتىدا ئۈزگۈچىسى بولىدۇ. قۇيرۇقى ياپىلاق، تۈكلىرى ئۇزۇن ھەم قېلىن، دۈمبە تەرىپى قىزغۇچ قوڭۇر، قورسىقى كۈل رەڭ، چىشلىرى ئۆتكۈر كېلىدۇ. دەرەخلەرنى چىشلەپ ئوشتۇيالايدۇ. سۇ بويىدا ياشايدۇ. دەرەخ قوۋزاقلىرى ۋە نېلۇپەر قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. تېرىسى ئەتىۋارلىق. ئەركەكلىرى قۇندۇز قەھرى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ تېبابەتچىلىكتە روھلاندۇرغۇچى دورا قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

قۇندۇزلەش

  • قۇندۇزلەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇندۇز+لەش[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قۇندۇزلەش ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، ھاشاراتخور ئۆسۈملۈك. كۆلچەكلەر ياكى سۇلۇق ئېتىزلاردا ئۆسىدۇ، غولى ئىنچىكە ئۇزۇن، گۈلى سېرىق، يوپۇرمىقى يىپسىمان كېلىدۇ. ئۈستۈنكى قىسمىدا ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدىغان خالتىسى بولىدۇ.

قۇندۇزئوت

  • قۇندۇزئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇندۇز+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قۇندۇز ئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى 50 — 120 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. گۈلى سۇس كۆك، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە. مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى سوقىچاق. يىلتىزى ۋە يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ، بەلغەمنى يۇمشىتىش، يۆتەلنى بېسىش، قان توختىتىش ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش روللىرىغا ئىگە.

قۇنۇن

  • قۇنۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] رويان ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان ياماشقۇچى تىكەنلىك چاتقال. غول-شاخلىرى دورا قىلىنىدۇ. ئىسسىق ياندۇرۇش، يەل ھەيدەش، باش قېيىپ ئاغممى كېسەللىكىدىكى باش قېيىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

قۇۋⅠ

  • قۇۋⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھىيلە-نەيرىڭى تولا، باشقىلارنى گوللاشقا ئۇستا؛ ھىيلىگەر، مەككار، مۇغەمبەر:[مىسال:] قۇۋ ئادەم. قۇۋ ئايال. ∥ قىزلار بۇ مەسىلىگە كەلگەندە قۇۋراق كېلىدۇ.

قۇۋⅡ

  • قۇۋⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بەك قۇرۇپ كەتكەن، قۇرۇپ چېكىگە يەتكەن، قاقشال.

قۇۋⅢ

  • قۇۋⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياپىلاق قىلىپ توقۇلغان ئىشتانباغ.

قۇۋانچ

  • قۇۋانچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشاللىق، شادلىق:[مىسال:] قۇۋانچ ھېس قىلماق.

قۇۋانچلىق

  • قۇۋانچلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى خۇشال قىلىدىغان، شادلاندۇرىدىغان؛ كىشىگە خۇشلۇق، خۇشاللىق بەخش ئېتىدىغان؛ خۇش؛ يېقىملىق:[مىسال:] قۇۋانچلىق خەۋەر. قۇۋانچلىق چىراي. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشاللىق، شادلىق، خۇشلۇق:[مىسال:] ياخشى بولدى، خۇدا بەرگەنىكەنغۇي دېدى چال قازاق قۇۋانچلىق بىلەن.

قۇۋاندۇرماق

  • قۇۋاندۇرماق[يەشمىسى:] «قۇۋانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇۋانماق

  • قۇۋانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شادلانماق، خۇشال بولماق:[مىسال:] بىرنەچچە كۈن بويۇڭنى كۆرۈپ قۇۋاندىم، بارغىن بالام بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم.

قۇۋ-چۇۋ

  • قۇۋ-چۇۋ[يەشمىسى:] نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خىلمۇخىل ۋارقىراشلىرى، قىيقاس-چۇقان:[مىسال:] قۇۋ-چۇۋ قىلماق.

قۇۋلاشتۇرماق

  • قۇۋلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قۇۋلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكىمۇ كىشىلەرنى قۇۋلاشتۇرۇپ قويىدۇ، خالاس.

قۇۋلاشماق

  • قۇۋلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇۋ ھالەتكە كەلمەك؛ قۇۋ ھىيلىگەر بولۇپ قالماق:[مىسال:] قۇۋلىشىپ كەتمەك. * ئۇ ئۆزى كىچىك، گېپى سىلىق بولغىنى بىلەن، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ قۇۋلىشىپ كەتكەن بىرنېمە ئىكەن.

قۇۋلۇق

  • قۇۋلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇۋ ئادەملەرگە خاس ئىش-ھەرىكەت؛ مەككارلىق، ھىيلىگەرلىك، ھىيلە:[مىسال:] قۇۋلۇق قىلماق.

قۇۋلۇق-شۇملۇق

  • قۇۋلۇق-شۇملۇق[يەشمىسى:] قۇۋلۇق ۋە شۇملۇق:[مىسال:] بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئەنۋەرنىڭ ماڭا قانداق قۇۋلۇق-شۇملۇقلارنى ئىشلەتكەنلىكى تېخىمۇ ئايان بولدى.

قۇۋناق

  • قۇۋناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شاد-خۇرام، خۇرسەن:[مىسال:] قۇۋناق ئاۋازلار.

قۇۋناقلىق

  • قۇۋناقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاد-خۇراملىق، خۇرسەنلىك.

قۇۋۇرماق

  • قۇۋۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىلىمەك، سۈركىمەك، غىردىماق.

قۇۋۋەت

  • قۇۋۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① جانلىق ئورگانىزمنىڭ شۇنىڭدەك ھەرىكەت قىلغۇچى ھەرقانداق جىسىمنىڭ بىرەر جىسمانىي ئىش ياكى ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتى؛ كۈچى:[مىسال:] بىلەكنىڭ قۇۋۋىتى. پۇتنىڭ قۇۋۋىتى. [يەشمىسى:] ② ئېنېرگىيە:[مىسال:] ئېلېكتر قۇۋۋىتى. سۇ قۇۋۋىتى. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قىلغان ئىشى. ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى ۋات، كىلوۋات قاتارلىقلار؛ مېخانىكىلىق ئېنېرگىيىنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى سېكۇنت، كىلوگرام، مېتىر، ئات كۈچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ماددىي ئىمكانىيەت، بايلىق، قۇرب:[مىسال:] ئۇنىڭ توي قىلىشقا قۇۋۋىتى يەتمەيتتى.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قابىلىيەت، لاياقەت، بىلىم:[مىسال:] قەلەم قۇۋۋىتى.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوزۇقلۇق قىممىتى:[مىسال:] قۇۋۋىتى بار تاماق.

قۇۋۋەتسىز

  • قۇۋۋەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قۇۋۋىتى، ماغدۇرى، مادارى يوق؛ كۈچسىز:[مىسال:] قۇۋۋەتسىز ئادەم.[يەشمىسى:] ② قۇۋۋەت قىلمايدىغان، قۇۋۋەت بەرمەيدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن:[مىسال:] قۇۋۋەتسىز تاماق.

قۇۋۋەتسىزلەندۈرمەك

  • قۇۋۋەتسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «قۇۋۋەتسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قۇۋۋەتسىزلەندۈرۈلمەك

  • قۇۋۋەتسىزلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «قۇۋۋەتسىزلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇۋۋەتسىزلەنمەك

  • قۇۋۋەتسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋىتى ئازلاپ كەتمەك؛ كۈچسىز، دەرمانسىز، ماغدۇرسىز بولۇپ قالماق؛ ماغدۇرسىزلانماق:[مىسال:] ئادەم دېگەن كېسەل بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسا، پۈتۈن بەدىنى قۇۋۋەتسىزلىنىدۇ.

قۇۋۋەتسىزلىك

  • قۇۋۋەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇۋۋىتى، ماغدۇرى يوقلۇق؛ كۈچسىزلىك.

قۇۋۋەتلەشمەك

  • قۇۋۋەتلەشمەك[يەشمىسى:] «قۇۋۋەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] لېتىپ زور بىلەن مۇتىلاقارى ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەشتى.

قۇۋۋەتلەندۈرمەك

  • قۇۋۋەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «قۇۋۋەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دوختۇرلار بالىنىڭ تېنىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ ئاندىن ئوپېراتسىيە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردى.

قۇۋۋەتلەنمەك

  • قۇۋۋەتلەنمەك[يەشمىسى:] ① «قۇۋۋەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ پىكىر كۆپچىلىك تەرىپىدىن دەرھال قۇۋۋەتلەندى.[يەشمىسى:] ② قۇۋۋەتلىك، كۈچلۈك ھالەتكە كەلمەك؛ قۇۋۋەتلىك بولماق؛ كۈچلەنمەك:[مىسال:] سەن ئالدىرىما، ئارام ئال، قۇۋۋەتلەن، دېدى بوۋاي ئۇنىڭغا غەمخورلۇق بىلەن.

قۇۋۋەتلىك

  • قۇۋۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان، كۈچى جىق، ماغدۇرلۇق، كۈچلۈك:[مىسال:] قۇۋۋەتلىك ئادەم بولماق.[يەشمىسى:] ② بەدەنگە قۇۋۋەت قىلىدىغان، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان، ئوزۇقلۇق كۈچى زور، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى:[مىسال:] قۇۋۋەتلىك تاماق.[يەشمىسى:] ③ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، ئۈنۈمى يۇقىرى، ئاساس تەركىبى يۇقىرى، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك؛ مۇنبەت:[مىسال:] قۇۋۋەتلىك يەر.

قۇۋۋەتلىمەك

  • قۇۋۋەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىماق، قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماق؛ قۇۋۋەتلەندۈرمەك:[مىسال:] بۇ دورا ئادەمنىڭ ئەقلىي ئەمگەك ئىقتىدارىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ پىكرى، ئىش-ھەرىكىتى، قارىشى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ مايىللىقىنى، قوللايدىغانلىقىنى، ياقلايدىغانلىقىنى ياكى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەك؛ قوللىماق:[مىسال:] قاسىم ئەپەندى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدى.

قۇياش

  • قۇياش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] سامانيولى سىستېمىسىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن بىرى، يەنى كۈن. ئۇ ئوتلۇق گاز شارى بولۇپ، ھەجمى يەر شارىدىن بىر مىليون 300 مىڭ ھەسسە، ماسسىسى 330 مىڭ 400 ھەسسە چوڭ. يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 0006℃، ئىچكى قىسمىدىكى تېمپېراتۇرا تەخمىنەن 51 مىليون سېلسىيە گرادۇس كېلىدۇ. ئىچكى قىسمىدا ئاتوم رېئاكسىيىسى يۈز بېرىپ، زور مىقداردىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ. قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئاسمان جىسمى بولۇپ، يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شارى ۋە باشقا پلانېتىلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق ئېلىپ تۇرىدۇ. [يەشمىسى:] ② كۈن نۇرى، ئاپتاپ ياكى ئاپتاپ چۈشكەن جاي:[مىسال:] قۇياش ۋاننىسى. ياز قۇياشىدا قارايماق.

قۇياشسىز

  • قۇياشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇياش كۆتۈرۈلمىگەن، كۈن چىقمىغان، قۇياش نۇرى چۈشمىگەن:[مىسال:] قۇياشسىز ھەم تۇمانلىق بولسا ئالەم، نېچۇك تاپقاي بېرىپ مەنزىلنى ئادەم.

قۇياشلىق

  • قۇياشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇياش چىققان، قۇياش چىقىپ نۇر چاچقان، ھاۋا ئوچۇق، ئاپتاپلىق:[مىسال:] قۇياشلىق باھار.

قۇياق

  • قۇياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قىلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق قىلغاندا ياكى جەڭگە كىرگەندە قارشى تەرەپتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان جەڭ كىيىملىرىنىڭ بىر خىلى، ساۋۇت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

قۇياقلىق

  • قۇياقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇياقى بار، قۇياق كىيگەن:[مىسال:] ئۇ 500 قۇياقلىق چېرىكنى باشلاپ، قوۋۇقتىن ئۇچقاندەك چىقىپ ياۋغا ئېتىلدى.

قۇيت

  • قۇيت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى قوغلىۋېتىش، ھەيدىۋېتىش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان سۆز:[مىسال:] قۇيت دېمەك.

قۇيدۇرماق

  • قۇيدۇرماق[يەشمىسى:] «قۇيماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چاي قۇيدۇرماق.

قۇيرۇق

  • قۇيرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆپىنچە ھايۋانلاردا تەننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئومۇرتقا ئۇچىدا بولىدىغان ۋە ئۇزۇنلۇق دەرىجىسى ھەر خىل قىل — تۈكلىرى بولىدىغان ئەزا:[مىسال:] ئاتنىڭ قۇيرۇقى، ئېشەكنىڭ قۇيرۇقى.[يەشمىسى:] ② قۇشلار گەۋدىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولىدىغان پەي قىسمى:[مىسال:] كەپتەرنىڭ قۇيرۇقى.[يەشمىسى:] ③ بەزى قويلارنىڭ كەينى تەرىپىدە سان بىلەن بەل ئوتتۇرىسىدا ئۆسكەن ياغ قىسمى ۋە قوينىڭ شۇنداق قىسمىدىن چىققان ياغ:[مىسال:] قوينىڭ قۇيرۇقى.[يەشمىسى:] ④ ئادەم بەدىنىنىڭ سان بىلەن بەل ئوتتۇرىسىدىكى يۇمشاق ئارقا قىسمى، كاسا:[مىسال:] قۇيرۇقىغا ئوكۇل قويماق.[يەشمىسى:] ⑤ بەزى نەرسىلەرنىڭ قۇيرۇققا ئوخشايدىغان قىسمى:[مىسال:] لەگلەكنىڭ قۇيرۇقى.[يەشمىسى:] ⑥ ئايروپىلان، كېمە، پويىز ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئارقا قىسمى، ئارقا تەرىپى ياكى باش تەرىپىنىڭ ئەكسى تەرىپىدە بولغان قىسمى:[مىسال:] كېمىنىڭ قۇيرۇقى.[يەشمىسى:] ⑦ بىركىمنىڭ ئارقىسىغا كىرىۋېلىپ ھېچبىر ئايرىلمايدىغان كىشى:[مىسال:] مەن نەگىلا بارسام، ئۇ ماڭا قۇيرۇق بولۇپييامان ئىش ياكى ھەرىكەتنىڭ ئەگەشكۈچىسى؛ قالدۇق، گۇماشتا:[مىسال:] جىنايەتچىنىڭ قۇيرۇقى.⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاخىرى، كەينى:[مىسال:] ھېساباتنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈزمەك.[يەشمىسى:] 01 كۆزنىڭ چېكىگە يېقىن قىسمى، كۆزنىڭ بۇلۇڭى:[مىسال:] كۆزنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىماق.[يەشمىسى:] 11 تېپىلگەن خاماننى شامالغا ئېتىپ سورۇغاندا، شامال ئۇچۇرۇپ كېتەلمەي قالغان يىرىك، دان ئارىلاش قالدۇق چار قىسمى:[مىسال:] خاماننىڭ قۇيرۇقىنى ئايرىماق.

قۇيرۇق تۇتقۇزماسلىق

  • قۇيرۇق تۇتقۇزماسلىق[يەشمىسى:] تۇتۇق بەرمەسلىك، تۇيدۇرماسلىق، تۇتۇلۇپ قالماسلىق، چاندۇرماسلىق:[مىسال:] يۈسۈپ چوڭ قۇربان ئاقساقالغا قۇيرۇق تۇتقۇزماسلىقنى كۆڭلىگە پۈكتى.

قۇيرۇق شىپپاڭلاتماق

  • قۇيرۇق شىپپاڭلاتماق[يەشمىسى:] خۇشامەت قىلماق، ئەركىلىمەك، يېلىنماق:[مىسال:] تۆمۈر دەرۋازا ئالدىدا ئۇنى بىرنەچچە دورغا-چاپارمەن قۇيرۇق شىپپاڭلىتىپ كۈتۈۋالدى.

قۇيرۇقىنى تالىماق

  • قۇيرۇقىنى تالىماق[يەشمىسى:] ئۆزىدىن ئۆزى خاپا بولۇپ، رەنجىپ ئاۋارە بولماق:[مىسال:] ئۇ ئورۇنسىز خاپا بولۇپ، قۇيرۇقىنى تالاپ يۈرگىنى يۈرگەن.

قۇيرۇقىنى تىكىۋەتمەك

  • قۇيرۇقىنى تىكىۋەتمەك[يەشمىسى:] بەدەر قاچماق:[مىسال:] باندىتلار مىلتىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاللىقاچان قۇيرۇقىنى تىكىۋەتكەنىدى.

قۇيرۇقىنى چىشلىمەك

  • قۇيرۇقىنى چىشلىمەك[يەشمىسى:] قاتتىق ھەسرەتتە قالماق.

قۇيرۇقىنى قۇم باسماق

  • قۇيرۇقىنى قۇم باسماق[يەشمىسى:] ئۆلۈپ تۈگىمەك:[مىسال:] تۆگە سىيگىچە قۇيرۇقىنى قۇم بېسىپتۇ (ماقال).

قۇيرۇقىنى قىسماق

  • قۇيرۇقىنى قىسماق[يەشمىسى:] ياۋاشلاپ قالماق، ئىتائەتچان بولماق:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمۇ قۇيرۇقىنى قىستى.

قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈۋالماق

  • قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈۋالماق[يەشمىسى:] تەكەببۇرلىشىپ قالماق، ھاكاۋۇرلىشىپ قالماق، ھاكاۋۇرلىشىۋالماق، كۆرەڭلىمەك؛ غادىيىۋالماق.

قۇيرۇقچى

  • قۇيرۇقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. سەلب.[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ كەتمىنىنى چاپقۇچى كىشى، ئەگەشكۈچى، گۇماشتا، قولچوماق.

قۇيرۇقچىلىق

  • قۇيرۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىغۇلارچە باشقىلارغا ئەگىشىش:[مىسال:] قۇيرۇقچىلىق قىلماق.

قۇيرۇقسىز

  • قۇيرۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇيرۇقى يوق، قۇيرۇققا ئىگە ئەمەس:[مىسال:] قۇيرۇقسىزلار ئەترىتى.

قۇيرۇقسىمان

  • قۇيرۇقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەكلى قۇيرۇققا ئوخشايدىغان، قۇيرۇق شەكىللىك، قۇيرۇققا ئوخشاش:[مىسال:] قۇيرۇقسىمان ئىز قالدۇرماق.

قۇيرۇقلۇق

  • قۇيرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قۇيرۇقى بار، قۇيرۇققا ئىگە:[مىسال:] قۇيرۇقلۇق لىچىنكا.[يەشمىسى:] ② كۆرۈنۈشى، شەكلى قۇيرۇققا ئوخشاپ قالىدىغان؛ قۇيرۇققا ئوخشاش كۆرۈنىدىغان:[مىسال:] قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز.

قۇيقا Ⅰ

  • قۇيقا Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈپ بولغان ياكى چالا كۆيگەن تۈك، يۇڭ، چاچ قاتارلىقلار:[مىسال:] قۇيقا ھىدى پۇرىماق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوتتا كۆيگەن، ئوتتا كۆيۈپ، ئەگرى-بۈگرى، كۆتمەك بولۇپ قالغان (چاچ، تۈك، يۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھالىتى ھەققىدە):[مىسال:] قۇيقا چېچى تىك تۇرماق.

قۇيقا چېچى تىك تۇرماق

  • قۇيقا چېچى تىك تۇرماق[يەشمىسى:] قاتتىق خاپا بولماق، قاتتىق غەزەپكە كەلمەك، زەردىسى قاينىماق:[مىسال:] ھەر قېتىم روزىنىڭ دەپتىرى قولۇمغا چىققان ھامان يەنە قۇيقا چېچىم تىك تۇراتتى.

قۇيقاⅡ

  • قۇيقاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇ ئېقىپ چۈشىدىغان شارقىراتمىلىق توما، زاكو.

قۇي-قۇي

  • قۇي-قۇي [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سەت، كۆرۈمسىز.

قۇيقىلاتماق

  • قۇيقىلاتماق[يەشمىسى:] «قۇيقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باش-شىراقنى قۇيقىلاتماق.

قۇيقىلاشماق

  • قۇيقىلاشماق[يەشمىسى:] «قۇيقىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇيقىلانماق

  • قۇيقىلانماق[يەشمىسى:] «قۇيقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قۇيقىلىماق

  • قۇيقىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ئۈتلىمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] قوينىڭ كاللىسىنى قۇيقىلىماق.

قۇيما

  • قۇيما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇيۇلغان ياكى قۇيۇلىدىغان:[مىسال:] قۇيما پۇل.

قۇيماقⅠ

  • قۇيماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېمىرى بولدۇرۇلۇپ ياغدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك:[مىسال:] قۇيماق پىشۇرماق. قۇيماق يېمەك.

قۇيماقⅡ

  • قۇيماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇ قاتارلىق سۇيۇق، ئۇن قاتارلىق يۇمشاق، بۇغداي قاتارلىق ئۇششاق، دانە-دانە نەرسىلەرنى بىرەر نەرسە ئىچىگە، ئۈستىگە چۈشۈرمەك، تۆكمەك:[مىسال:] چىنىگە چاي قۇيماق. خالتىغا ئۇن قۇيماق.[يەشمىسى:] ② ئېرىگەن ياكى يۇمشاق نەرسىنى قېلىپقا سېلىپ بۇيۇم تەييارلىماق:[مىسال:] قازان قۇيماق. خىش قۇيماق.[يەشمىسى:] ③ پىشۇرماق؛ سالماق؛ تەييارلىماق:[مىسال:] ئۆپكە قۇيماق. قۇيماق قۇيماق.[يەشمىسى:] ④ ئورنىدىن چىقىرىۋەتمەك (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] كۆزىنى قۇيماق.[يەشمىسى:] ⑤ شىددەت بىلەن ياغماق، ئاقماق (يامغۇر ھەققىدە):[مىسال:] بىردەمدىن كېيىن بىردىنلا يامغۇر قۇيۇۋەتتى.

قۇيمىچى

  • قۇيمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىس، قوغۇشۇن، چويۇن قاتارلىقلاردىن بىرنەرسە قۇيۇپ چىقىرىدىغان ئادەم؛ قۇيمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى؛ قۇيمىگەر:[مىسال:] ئۇ بىر كەسپىي قۇيمىچى ئىدى.

قۇيمىچىلىق

  • قۇيمىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قازان قاتارلىقلارنى قۇيۇش ئىشى، قۇيمىگەرلىك:[مىسال:] قۇيمىچىلىق قىلماق.

قۇيمىگەر

  • قۇيمىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قۇيمىچى»غا قاراڭ:[مىسال:] ئابدۇرىشىت ئۇستا قەشقەر شەھىرىدىكى بارلىق قۇيمىگەرلەرنى ئۆز يېنىغا يىغىۋاپتۇ.

قۇيۇت

  • قۇيۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئوغۇت.

قۇيۇتلىماق

  • قۇيۇتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئوغۇتلىماق.

قۇيۇچ

  • قۇيۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پولات، گاڭ.

قۇيۇشماق

  • قۇيۇشماق[يەشمىسى:] «قۇيماق»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قۇيۇلما

  • قۇيۇلما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاۋۇت-كارخانىلاردا، چويۇن قاتارلىقلاردىن قۇيۇلغان نەرسە، بۇيۇم.

قۇيۇلماق

  • قۇيۇلماق[يەشمىسى:] ① «قۇيماق»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پىيالىگە چاي قۇيۇلدى.[يەشمىسى:] ② «قۇيماق»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى.

قۇيۇمچاق

  • قۇيۇمچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] «توققۇزكۆز»گە قاراڭ.

قۇيۇن

  • قۇيۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] بۇرما شەكلىدە پىرقىراپ چىققان چاڭ-توزانلىق شامال. ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن، دېئامېتىرى ئىككى مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇ قىسمەن جايدىكى ھاۋانىڭ كونۋېكسىيىلىك تەسىرى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولىدۇ.

قۇيۇنتاز

  • قۇيۇنتاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قۇيۇن+تاز[[يەشمىسى:] ① قۇيۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېز يول يۈرگۈچى كىشى، تېز ماڭىدىغان ئادەم.

قې

  • قې[يەشمىسى:] «ق» ھەرپىنىڭ نامى.

قېپىشماق

  • قېپىشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇتاشماق، يانماق.

قېپىنماق

  • قېپىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نۇرغۇن مال-مۈلۈك، پۇل تاپماق، قاتتىق بېيىماق:[مىسال:] ئۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خېلى قېپىندى.

قېتىرقانماق

  • قېتىرقانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا، مەسىلىگە ئىچى-ئىچىدىن بېرىلمەك، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماق؛ قاتتىق تىرىشماق، كۆڭۈل قويماق:[مىسال:] قېتىرقىنىپ ئۆگەنمەك.

قېتىرقىنىشماق

  • قېتىرقىنىشماق[يەشمىسى:] «قېتىرقانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قېتىشتۇرماق

  • قېتىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قېتىش، قوشۇش ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماق:[مىسال:] بىسىر ئاتنى ھارۋىغا قېتىشتۇرۇپ قوغۇنلۇققا ماڭدى.

قېتىش-قۇراش

  • قېتىش-قۇراش[يەشمىسى:] بىر قىسمىنى ئۇنىڭدىن يەنە بىر قىسمىنى بۇنىڭدىن قوشۇش، قېتىش قاتارلىق يوللار بىلەن يىغىلغان؛ بارلىققا كەلگەن:[مىسال:] قېتىش-قۇراش قىلماق.

قېتىشما

  • قېتىشما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مېتال ئېلېمېنت بىلەن باشقا مېتال ئېلېمېنتنىڭ بىرگە ئېرىشىدىن ھاسىل بولغان ماددا:[مىسال:] قېتىشما پولات.

قېتىشماقⅠ

  • قېتىشماقⅠ[يەشمىسى:] ①«قاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② قاتتىق ھالەتكە ئۆزگەرمەك؛ قاتماق:[مىسال:] مۇز قېتىشتى. سېمونت قېتىشىپتۇ.

قېتىشماقⅡ

  • قېتىشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قاتماق Ⅱ پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھارۋىلىرىنى قېتىشتى.

قېتىق

  • قېتىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۈتنى سۈنئىي ئېچىتىش ۋە ئۇيۇتۇش ئارقىلىق تەييارلانغان، چۈچۈمەل، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئىچىملىك.

قېتىقچى

  • قېتىقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېتىق ساتقۇچى كىشى.

قېتىقلىق

  • قېتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېتىپ قويۇلغان، قېتىلغان، قوشۇلغان:[مىسال:] ئۇنىڭغىچە بۆدۈنىمۇ ئۇچۇپ كېلىپ قوشقا قېتىقلىق ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە قونۇۋاپتۇ.

قېتىلماق

  • قېتىلماق[يەشمىسى:] ① «قاتماق Ⅱ پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② ئۇنىماق، رازى بولماق؛ قوشۇلماق:[مىسال:] ئاخىرى ئۇنىڭ سۆزىگە قېتىلدىم.

قېتىلىشماق

  • قېتىلىشماق[يەشمىسى:] «قېتىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قېتىمⅠ

  • قېتىمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قىلغان ياكى قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتنىڭ سانىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ مىڭ قېتىم ئۆلەر (ماقال).

قېتىمⅡ

  • قېتىمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] يېڭنىگە بىر نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىپنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىككى قېتىم يىپ.

قېتىمقى

  • قېتىمقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېتىمدىكى، نۆۋەتتىكى؛ قېتىملىق:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىمقى قىيىن ۋەزىپىنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلغانىدى.

قېتىملاپ

  • قېتىملاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەچچە قېتىم، ئارقا-ئارقىدىن، بىرقانچە قېتىم:[مىسال:] مەن ئۇ يەرگە نەچچە قېتىملاپ باردىم.

قېتىملىق

  • قېتىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېتىمدىكى، نۆۋەتتىكى، قېتىمقى:[مىسال:] جۈمە، بۇ بىرىنچى قېتىملىق ئىش ئەمەس، سىنىپ مۇدىرىغا ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل.[يەشمىسى:] ② قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان، قېتىمدا بېجىرىلىدىغان:[مىسال:] ھازىر مەسىلە قۇدۇق كولاپ يۈرۈشلەشتۈرۈپ بولغۇچىلىك بۇ يېزا يەرلىرىنىڭ بىر-ئىككى قېتىملىق سۈيىنى قانداق ھەل قىلىشتىلا قالغانىدى.

قېتىملىماق

  • قېتىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرقانچە قېتىم تەكرارلىماق.

قېتىنچا

  • قېتىنچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارىسىغا قېتىپ قويۇلغان بۆلەك، پارچە:[مىسال:] قېتىنچا ئاشلىق.

قېتىنچىلىق

  • قېتىنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېتىنچىسى بار، قېتىنچا قېتىلغان.

قېچىر

  • قېچىر[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، ئېشەك بىلەن ئاتنى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۇغۇلىدۇ. ئاتتىن تۇغۇلغىنى ئات قېچىر، ئېشەكتىن تۇغۇلغىنى ئېشەك قېچىر دەپ ئاتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىيىق، ئاچچىقى يامان، جاھىل، چۇس ئادەملەرنى سۈپەتلەپ ئېيتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇغمايدىغان، تۇغماس (ئاياللار ھەققىدە).

قېچىرچى

  • قېچىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرقانچە قېچىر بىلەن بىر جايدىن باشقا بىر جايغا يۈك-مال توشۇپ تىرىكچىلىك قىلغۇچى كىشى.

قېچىرچىلىق

  • قېچىرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېچىرلارغا يۈك-تاق ئارتىپ، بىر جايدىن باشقا بىر جايغا توشۇش ئىشى، پائالىيىتى؛ قېچىر كارۋانچىلىقى:[مىسال:] قېچىرچىلىق قىلماق.

قېچىرلىق

  • قېچىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېچىرى بار، قېچىرغا ئىگە:[مىسال:] بىز بۇ يىل قېچىرلىق بولۇپ قالدۇق.[يەشمىسى:] ② قېچىر مىنگەن:[مىسال:] يولدا مەن قېچىرلىق بىر بوۋاينى كۆردۈم. ∥ قېچىرلىق كەلمەك.

قېچىرلىماق

  • قېچىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئات ياكى ئېشەك قېچىر تۇغماق:[مىسال:] بايتال قېچىرلىدى.

قېچىشماق

  • قېچىشماق[يەشمىسى:] «قاچماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قېرى Ⅰ

  • قېرى Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېلى ياشقا بېرىپ قالغان، قېرىغان:[مىسال:] قېرى ئادەم. قېرى ئات. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇزۇن يىل ياشىغان، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان، قېرىغان كىشى:[مىسال:] ئاخىرى بۇ ئىككى قېرى نېرى-بېرى ئويلاپ، ئاخۇنۇمغا خەۋەر قىلىپتۇ.

قېرىⅡ

  • قېرىⅡ[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] بۆز ئۆلچەيدىغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. ئادەتتە بىر قېرى 70 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇ ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى.

قېرىتماق

  • قېرىتماق[يەشمىسى:] «قېرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار (ماقال).

قېرى-چۈرى

  • قېرى-چۈرى[يەشمىسى:] ھەر خىل ياشتىكى قېرىلار:[مىسال:] بۇ قىسىمدا 200 دەك ئادەم بولۇپ، كۆپچىلىكى بالا-چاقا ۋە قېرى-چۈرىلەر ئىدى.

قېرىسال

  • قېرىسال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېرىغان، قېرىپ كۈچىدىن قالغان، قېرى:[مىسال:] مەسچىتنىڭ سۇپىسىدا بىرنەچچە قېرىسال كىشىلەر پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتى.

قېرىشتۇرماق

  • قېرىشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «قېرىشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۇرسۇن ھەردائىم باشقىلارنى ماڭا سېلىپ، ئۇلارنى مېنىڭ بىلەن قېرىشتۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ② قېرىشىش ۋە شۇ خىلدىكى ئىش-ھەرىكەت، قىلىقلارنى قىلماق:[مىسال:] ترامۋاينىڭ قوڭغۇرىقى ئادەمنىڭ چىشىنى قېرىشتۇراتتى.

قېرىشقاق

  • قېرىشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلار بىلەن قېرىشىپلا يۈرىدىغان، قېرىشىشنى ئادەت قىلغان:[مىسال:] قېرىشقاق ئادەم.

قېرىشقاقلىق

  • قېرىشقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېرىشىش ئادىتى.

قېرىشماق

  • قېرىشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆچەكەشمەك، زىتلاشماق:[مىسال:] ئۇ ھەر دائىم مېنىڭ بىلەن قېرىشىدۇ.

قېرىق

  • قېرىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ ھۇزۇرلىنىپ ئىچكۈسى كەلمەيدىغان؛ قىرتاق (بىرەر نەرسىنىڭ تەمى ھەققىدە):[مىسال:] دورا قېرىق ياكى بەك ئاچچىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا شېكەر ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئېرىنچەك:[مىسال:] بۇ ئادەم دورا ئىچىشكە قېرىق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۇ ئىتتىك، راۋان ئاقمايدىغان:[مىسال:] قېرىق ئېتىز.

قېرى-قارتاڭ

  • قېرى-قارتاڭ[يەشمىسى:]«قېرى-چۈرى»گە قاراڭ.

قېرىقلاشماق

  • قېرىقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قېرىق ھالەتكە كەلمەك، قېرىق بولۇپ قالماق.

قېرىقلىق

  • قېرىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېرىنچەكلىك:[مىسال:] قېرىقلىق قىلماق.

قېرىقىز

  • قېرىقىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېرى+قىز[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى يۈرەك شەكىللىك بولۇپ نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، دۈمبە تەرىپى تۈكلۈك بولىدۇ. گۈلى نەيچە شەكلىدە، رەڭگى سۇس سۆسۈن، يىلتىزى گۆشلۈك كېلىدۇ.

قېرىلىق

  • قېرىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېرىغانلىق؛ قېرىش ھالىتى، دەۋرى:[مىسال:] قېرىلىق يەتمەك. * قېرىلىق بىلەن ئۆلمەس، ياشلىق بىلەن تۇرماس (ماقال).

قېرىم

  • قېرىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل مەقسەتلەردە پايدىلىنىش ئۈچۈن چوڭقۇر چېپىلغان ئورەك، ئېرىق؛ چوڭقۇرلۇق، ئازگال، خەندەك:[مىسال:] قېرىم چاپماق. قېرىم كولىماق.

قېرىماق

  • قېرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېشى ئۆتۈپ قېرىلىق دەۋرىگە كەلمەك، قېرىلىق يەتمەك:[مىسال:] ئەر قېرىسا قىز ئالار، قىز قېرىسا كىم ئالار (ماقال).[يەشمىسى:] ② كېرەكتىن چىقماق، كاردىن چىقماق، ئىشلىمەس بولۇپ قالماق:[مىسال:] چىشى قېرىماق. ئەقلى قېرىماق.[يەشمىسى:] ③ (بولۇشسىز شەكلى بىلەن كېلىپ) ۋاقتى ئۆتمەسلىك، كېچىككەن ھېسابلانماسلىق، كېچىكمەسلىك:[مىسال:] دەۋا قېرىمايدۇ.

قېرىمدىماق

  • قېرىمدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قېرىم ئويماق:[مىسال:] تەكنى قېرىمدىماق.

قېرىن (قارىن)

  • قېرىن (قارىن)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئورگىنى؛ قورساق:[مىسال:] قېرىن كاۋىپى.

قېرىنچە

  • قېرىنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئەزالارنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولىدىغان كىچىك بوشلۇق، كاۋاكچە:[مىسال:] يۈرەك قېرىنچىسى. مېڭە قېرىنچىسى.

  • تۈرى: بولغان پەرزەنتلەر — ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار، بىر تۇغقان (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] سالاغا كەتكەن قېرىندىشىم (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىر ئەۋلاد (ئەجداد) قا مەنسۇپ بولغان كىشىلەر (بىرى باشقىسىغا نىسبەتەن).[يەشمىسى:] ③ ئۆزى بىلەن مەلۇم قانداشلىق ياكى يېقىن ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولغان بىرەر خەلق، مىللەت قاتارلىقلار (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] قېرىنداش مىللەت.

قېرىنداشⅡ

  • قېرىنداشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] سىياھى سۈرمە تاش (گرافىت) ياكى بەزىبىر رەڭلىك ماتېرىياللارنى بىرىكتۈرۈپ قاتۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان، ئۇچلاپ ئىشلىتىلىدىغان قەلەملەرنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] قېرىنداش ئۇچلىماق.

قېرىنداشلارچە

  • قېرىنداشلارچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېرىنداشلارغا خاس، قېرىنداشلار ئارا بولىدىغان، خۇددى قېرىنداشلاردەك:[مىسال:] قېرىنداشلارچە دوستلۇق. قېرىنداشلارچە مېھرىبانلىق.

قېرىنداشلىق

  • قېرىنداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېرىنداشلارغا خاس بولغان:[مىسال:] قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت.∥قېرىنداشلىقىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

قېرىنسىمان

  • قېرىنسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېرىنىغا ئوخشايدىغان، قېرىن شەكلىدىكى:[مىسال:] قېرىنسىمان موگۇ.

قېرىنقۇلاق

  • قېرىنقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېرىن+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] موگۇنىڭ بىر خىلى. چىرىگەن دەرەخ غوللىرىدا ئۆسىدۇ. شەكلى قۇلاققا ئوخشايدۇ. رەڭگى قارا قوڭۇر، يېلىمسىمان بولىدۇ. سىرتقى يۈزىدە قويۇق ئۆسكەن يۇمران ھالەتتىكى قىسقا تۈكلىرى بولىدۇ. ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

قېرى-ياش

  • قېرى-ياش[يەشمىسى:] قېرى ۋە ياش، قېرىلار ۋە ياشلار:[مىسال:] بۇ ناخشىنى قېرى-ياش، ئەر-ئايالنىڭ ھەممىسى بىلەتتى.

قېزا

  • قېزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ ئۈچىيىگە ئاتنىڭ گۆشى ۋە قوۋۇرغىسىنى تىقىپ تەييارلانغان يېمەكلىك:[مىسال:] قېزا يېمەك. قېزا بېسىلغان پولۇ.

قېزىشماق

  • قېزىشماق[يەشمىسى:] «قازماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قۇدۇق قېزىشتى.

قېزىلما

  • قېزىلما [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يەر پوستىدىن قېزىپ ئېلىنىدىغان ياكى ئېلىنغان:[مىسال:] قېزىلما بايلىق. قېزىلما يادىكارلىق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] مىس، تۆمۈر، چىرىمتال، تەبىئىي گاز، نېفىت، كۆمۈر قاتارلىقلارغا ئوخشاش يەر پوستىدىن قېزىپ ئېلىنغان قىممەتكە ئىگە ماددىلار.

قېزىلماق

  • قېزىلماق[يەشمىسى:] «قازماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خەندەك قېزىلماق.

قېزىلىق

  • قېزىلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېزا سېلىنغان، قېزا سېلىپ پىشۇرۇلغان:[مىسال:] قېزىلىق پولۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىلقىنىڭ قوۋۇرغىسى بىلەن قوۋۇرغا يېغى جايلاشقان يېرى.

قېقىر-چۇقۇر

  • قېقىر-چۇقۇر[يەشمىسى:] ئاشقان-تاشقان، پارچە-پۇرات نەرسىلەر.

قېقىشتۇرماق

  • قېقىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قېقىش ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتنى، ئىشنى قىلماق، ئورۇندىماق؛ قاقماق:[مىسال:] ئەخمەت كىيىمىدىكى توپىنى قېقىشتۇردى.

قېقىشماق

  • قېقىشماق[يەشمىسى:] «قاقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۈستىدىكى قارلارنى قېقىشتى.

قېقىقلىق

  • قېقىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېقىپ قويۇلغان، قېقىلغان:[مىسال:] دېرىزىنىڭ قاق ئۈستىدە چوڭ بىر مىخ قېقىقلىق ئىدى.

قېقىلماق

  • قېقىلماق [يەشمىسى:] ① «قاقماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تۇيۇقسىز ئىشىك قېقىلدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسە يېگەندە ياكى ئىچكەندە، ئۆپكىگە كېتىپ قېلىپ قاتتىق يۆتەلمەك:[مىسال:] ئۇ تۇيۇقسىز قاتتىق قېقىلىپ كەتتى.

قېقىلىپ-سوقۇلۇپ

  • قېقىلىپ-سوقۇلۇپ[يەشمىسى:] ① قېقىلىپ ھەم سوقۇلۇپ، ئۇ تەرەپكە-بۇ تەرەپكە ئۇرۇلۇپ:[مىسال:] ئالىم دەھشەتلىك بوراندا قېقىلىپ-سوقۇلۇپ، ئالتۇندەك يەرگە تۆكۈلۈۋاتقان ئاشۇ ئۆنچە باغلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نۇرغۇن سورۇقچىلىقنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ھەرخىل جاپا-مۇشەققەتكە يولۇقۇپ:[مىسال:] مەن ئەسكەرلەر ئارىسىدا قېقىلىپ-سوقۇلۇپ بىر يىلنى ئۆتكۈزدۈم.

قېقىندى

  • قېقىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قېقىپ-تاسقاشتىن ئېشىپ قالغان، قالدۇق:[مىسال:] سۇپرىنىڭ قېقىندىسى. ∥ قېقىندى ئۇن.[يەشمىسى:] ② ئۈزۈلۈپ-سوقۇلۇپ سورۇقچىلىق تارتقۇچى:[مىسال:] ياسىن بۇ كەنتنىڭ قېقىندىسى بولۇپ سىرتقا كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

قېقىندى-سوقۇندى

  • قېقىندى-سوقۇندى[يەشمىسى:] نۇرغۇن سورۇقچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغان:[مىسال:] قېقىندى-سوقۇندى بولماق.

قېلىپ

  • قېلىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىكىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىگە قويۇپ ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، شەكلىنى بەلگىلەيدىغان ئەسۋاب:[مىسال:] ئۆتۈك قېلىپى.[يەشمىسى:] ② قۇيما دېتال ۋە مەھسۇلاتلارغا شەكىل بېرىدىغان ئەسۋاب ياكى قۇرۇلما:[مىسال:] خىش قېلىپى. قازان قېلىپى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەندىزە، فورما، شەكىل:[مىسال:] بىر قېلىپتا سۆزلىمەك. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەلگىلەنگەن چەك، ئۆلچەم؛ مېڭىشقا تېگىشلىك يول:[مىسال:] قېلىپتىن چىقماق.

قېلىپباز

  • قېلىپباز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نوقۇل ھالدا بىر خىل رامكا، بىر خىل شەكىلدە ئىش ئېلىپ بارىدىغان، ئىجادىي ئىش قىلالمايدىغان، قاتمال.

قېلىپبازلىق

  • قېلىپبازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر خىل قېلىپ، شەكىل بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىش، ئىجادىي ئىش قىلالماسلىق:[مىسال:] قېلىپبازلىق ۋە دورامچىلىق ئىللەتلىرى تېخى تۈگىگىنى يوق.

قېلىپچى

  • قېلىپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېلىپ ياسىغۇچى كىشى.

قېلىپچىلىق

  • قېلىپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېلىپ ياساش ئىشى ۋە كەسپى.

قېلىپسىز

  • قېلىپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېلىپى يوق، قېلىپتا قۇيمىغان ياكى قۇيۇلمىغان:[مىسال:] پىلانسىز ئىش — قېلىپسىز خىش (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۆلچەملىك ئەمەس، ئۆلچەملەشتۈرۈلمىگەن؛ ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان، ئۆلچەم بويىچە ئىشلەنمىگەن:[مىسال:] قېلىپسىز پولات.

قېلىپسىزلىق

  • قېلىپسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېلىپى يوقلۇق، ئۆلچەمسىزلىك.

قېلىپلاتماق

  • قېلىپلاتماق[يەشمىسى:] «قېلىپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قېلىپلاشتۇرماق

  • قېلىپلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قېلىپلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرماق. ئىزاھنى قېلىپلاشتۇرماق.

قېلىپلاشتۇرۇلماق

  • قېلىپلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قېلىپلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قېلىپلاشماق

  • قېلىپلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورتاق قائىدە، پرىنسىپ ئاستىدا بىرلىككە كەلمەك؛ ئۆلچەملەشمەك:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلى خېلى دەرىجىدە قېلىپلاشتى.

قېلىپلانماق

  • قېلىپلانماق[يەشمىسى:] «قېلىپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قېلىپلىق

  • قېلىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېلىپى بار، قېلىپقا ئىگە.[يەشمىسى:] ② قېلىپقا پاتىدىغان، قېلىپ كېلىدىغان:[مىسال:] ئۇ بىر مېڭىشىدا ئىككى قېلىپلىق لاينى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى.

قېلىپلىما

  • قېلىپلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېلىپلانغان؛ ياسالما:[مىسال:] قېلىپلىما ئورۇنلاش. قېلىپلىما ئورۇندۇق.

قېلىپلىماق

  • قېلىپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قېلىپقا سالماق، قېلىپقا تارتماق:[مىسال:] ئۆتۈكنى قېلىپلىماق. شەپكىنى قېلىپلىماق.

قېلىشماق

  • قېلىشماق[يەشمىسى:] ① «قالماقⅡ»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مەكتەپتە قېلىشتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] (پېئىلنىڭ بولۇشسىز شەكلىدە كېلىپ) «ناچار، كەم ئەمەس، تەڭ تۇرىدۇ، باراۋەر» دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆگىنىشى مەندىن قېلىشمايدۇ.

قېلىن

  • قېلىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① توم (نېپىزنىڭ ئەكسى):[مىسال:] قېلىن قار. قېلىن تام. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتمۇقات؛ نۇرغۇن، كۆپ:[مىسال:] گۈلقىز راجى بالا بىلەن قېلىن تاغلارنىڭ ئىچىگە قاراپ قاچتى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ تەسىر قىلمايدىغان، ئىزا تارتمايدىغان، بىزەڭ، داپشاق، داپ يۈز:[مىسال:] قېلىن ئادەم. [يەشمىسى:] ④ [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ناھايىتى يېقىن جايلاشقان، زىچ، قويۇق:[مىسال:] قېلىن توغراقلىق. قېلىن دەرەخ. ∥ ئۇلار شۇنداق قىلىپ دەرەخ، قومۇش قېلىن ئۆسكەن يەرگە مۆكۈۋېلىشتى.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغان، جانىجان، قەدىردان:[مىسال:] مۇناسىۋىتى قېلىن. * ھازىر بىز قېلىن دوست بولۇپ كەتتۇق.

قېلىنلاتماق

  • قېلىنلاتماق[يەشمىسى:] «قېلىنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قېلىنلاشتۇرماق

  • قېلىنلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قېلىنلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قېلىنلاشماق

  • قېلىنلاشماق[يەشمىسى:] ① قېلىن، يوغان ھالەتكە كەلمەك؛ بارغانسېرى قېلىن بولۇپ بارماق، قېلىن بولماق:[مىسال:] مېنىڭ پەلسەپە ئۈچۈن تۇتقان خاتىرەم قېلىنلاشتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىزا تارتمايدىغان، خىجىل بولمايدىغان، قېلىن بولۇپ قالماق:[مىسال:] قىز بالا دېگەن توي قىلغاندىن كېيىنلا قېلىنلىشىپ قالىدۇ.

قېلىنلىق

  • قېلىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىزا تارتماسلىق، خىجىل بولماسلىق:[مىسال:] قېلىنلىق قىلماق.

قېلىنلىماق

  • قېلىنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قېلىن بولۇپ بارماق، قېلىنلاشماق، قېلىن بولماق:[مىسال:] قار بارغانسېرى قېلىنلاپ كەتتى.

قېلىنماق

  • قېلىنماق[يەشمىسى:] «قالماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ نىمجان قۇلۇن جىددىي خەۋپتىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى.

قېنى

  • قېنى [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ، بىرنەرسىنىڭ نەدە، قەيەردىلىكى ھەققىدىكى سوراقنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ:[مىسال:] كىتاب قېنى. قەلەم قېنى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا كېلىپ، تەكلىپ قىلىش، سۈيلەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قېنى سۆزلەپ بېقىڭ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] سوئال جۈملىلەرنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا كېلىپ، شۇ سوئالنىڭ ئەمەلىي جاۋابىنى بىلىش خاھىشىنى بىلدۈرىدۇ ياكى ئاڭلىغۇچىدىن جاۋاب تەلەپ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] بۇ ئىشقا نېمە دەيسەن قېنى

قېنىشماق

  • قېنىشماق[يەشمىسى:] «قانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قېنىق

  • قېنىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] رەڭ جەھەتتىن تازا تويۇنغان، قويۇق، توق:[مىسال:] قېنىق قىزىل. ∥ قېنىق دەملەنگەن چاي.

قېنىقارلىق

  • قېنىقارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى قانائەتلەندۈرىدىغان، قايىل قىلارلىق:[مىسال:] قېنىقارلىق جاۋاب.

قېنىقلىق

  • قېنىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېنىق، توق ھالەت، قېنىق بولۇش، توقلۇق.

قېنىقماق

  • قېنىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قانماق.

قېھ-قېھ

  • قېھ-قېھ[يەشمىسى:] كۈلگەن چاغدا چىقىدىغان بىر خىل قىسقا ھەم تەكرار ئاۋاز:[مىسال:] ئوردىبېشى قېھ-قېھ قىلىپ قىسقا-قىسقا ۋە ئىنجىقلاپ كۈلەتتى.

قېيناپا

  • قېيناپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېيىن+ئاپا[[يەشمىسى:] خوتۇنىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ ئاپسى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

قېيناتا

  • قېيناتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېيىن+ئاتا[[يەشمىسى:] خوتۇنىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ ئاتىسى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] بۇ قېرى كىشى مېنىڭ قېيىناتام بولىدۇ.

قېيناچا

  • قېيناچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېيىن+ئاچا[[يەشمىسى:] خوتۇنىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ ئۆز ئاچىسى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

قېيناغا

  • قېيناغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېيىن+ئاغا[[يەشمىسى:] خوتۇنىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ ئۆز ئاكىسى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

قېينانا

  • قېينانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېيىن+ئانا[[يەشمىسى:] «قېيناپا»غا قاراڭ.

قېينىسىڭىل

  • قېينىسىڭىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېيىن+سىڭىل[[يەشمىسى:] خوتۇنىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ ئۆز سىڭلىسى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

قېيىنېگىچە

  • قېيىنېگىچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېيىن+ئېگىچە[[يەشمىسى:] خوتۇنىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ ئاچىسى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

قېينىنى

  • قېينىنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قېيىن+ئىنى[[يەشمىسى:] خوتۇنىنىڭ ياكى ئېرىنىڭ ئۆز ئىنىسى (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

قېيىداتماق

  • قېيىداتماق[يەشمىسى:] «قېيىدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قېيىداشماق

  • قېيىداشماق[يەشمىسى:] «قېيىدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قېيىدىغاق

  • قېيىدىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يوقىلاڭ، كىچىككىنە بىر ئىشلارغىلا قېيىداپ قالىدىغان، ئاسان قېيىدايدىغان:[مىسال:] قېيىدىغاق ئادەم.

قېيىدىماق

  • قېيىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر كىشىدىن نارازى بولۇپ تەتۈر قاراپ يۈرمەك؛ ئاغرىنماق، خاپا بولماق:[مىسال:] قېيىداپ يۈرمەك.

قېيىش

  • قېيىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات، كالا قاتارلىقلارنىڭ تېرىسىدىن قىلىنغان بىر خىل تاسما:[مىسال:] ياخشى ئاتنىڭ تېرىسى قېيىش بولار، كۆن بولماس (ماقال).

قېيىشتۇرماق

  • قېيىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىرىشتۈرمەك، ھىملاشتۇرماق؛ ئۆتۈشتۈرمەك (قول ھەققىدە):[مىسال:] مەن قولۇم ئارقامغا قېيىشتۇرۇپ باغلانغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتىم.

قېيىشتۇرۇلماق

  • قېيىشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قېيىشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قېيىشماق

  • قېيىشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قېرىشماق:[مىسال:] ئۇ دائىم مەن بىلەن قېيىشاتتى. [يەشمىسى:] ② ئېگىلمەك، بۆكۈلمەك؛ تالماق:[مىسال:] ئىشىك قېيىشتى. * بېلىم قېيىشىپ قالدى.

قېيىغاچ

  • قېيىغاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قارىياغاچ.

قېيىق Ⅰ

  • قېيىق Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېيىپ تىكىلگەن تىكىچ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېيىپ قالغان، قايغان:[مىسال:] قېيىق ئىشىك. قېيىق دېرىزە.

قېيىقⅡ

  • قېيىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دېڭىزغا يېقىن سۇ يۈزى ياكى كۆل-دەريالاردا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك كېمە. پالاق بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئادەتتە ئۈچ-تۆت ئادەملا سىغىدۇ. ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغىنى كەڭرەك بولۇپ، ئۇنىڭغا ئون ئەتراپىدا ئادەم سىغىدۇ.

قېيىقچى

  • قېيىقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېيىق ھەيدەيدىغان ئادەم، قېيىق ھەيدىگۈچى.

قېيىقچىلىق

  • قېيىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قېيىق ھەيدەش ئىشى، قېيىق ھەيدەش:[مىسال:] قېيىقچىلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② قېيىق ياساش ئىشى، مەشغۇلاتى.

قېيىقلىق

  • قېيىقلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېيىپ قېلىش:[مىسال:] ئىشىكنىڭ قېيىقلىقى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېيىلغان، قېيىپ تىكىلگەن:[مىسال:] قېيىقلىق كۆڭلەك.

قېيىماق

  • قېيىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۆمەپ ئىنچىكە تىكمەك:[مىسال:] كۆڭلەكنى قېيىپ تىكمەك.[يەشمىسى:] ② ئېگىلمەك، بۆكۈلمەك:[مىسال:] ئىشىك قېيىپ قالدى.

قېيىن

  • قېيىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى، يەنى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ ياكى چاتقال. قوۋزىقى ئاق، كۈل رەڭ، سېرىق ياكى قارا بولىدۇ. يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. ئاق قېيىن، قارا قېيىن قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ ئۇرۇقداشقا كىرىدۇ.

قېيىن-بويان

  • قېيىن-بويان[يەشمىسى:] قۇدا-باجا، ئۇرۇق-تۇغقان:[مىسال:] قېيىن-بويان بولماق.

قېيىنلىق

  • قېيىنلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قېيىن دەرىخى ئۆسكەن، قېيىن دەرىخى كۆپ:[مىسال:] بۇ قېيىنلىق جاي ئىكەن. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېيىن دەرىخى ئۆسكەن، قېيىن دەرىخى كۆپ جاي:[مىسال:] قېيىنلىققا بارماق.

قىبلە

  • قىبلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلار ناماز ئۆتىگەن ياكى خۇداغا سېغىنغان چاغلاردا ئالدىنى قىلىپ تۇرىدىغان يۆنىلىش، تەرەپ؛ مەككە تەرەپ:[مىسال:] قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇماق.

قىبلىگاھ

  • قىبلىگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇغاندا يۈزلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپ؛ قىبلە تەرەپ، قىبلە. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەڭ زور ھۆرمەتكە لايىق، مۇناسىپ بولغان كىشى ياكى نەرسە (ئاتا، ئانا ياكى ۋەتەن، پارتىيە قاتارلىقلارغا مۇراجىئەت قىلىش فورمىسى):[مىسال:] قىبلىگاھىم جانىم ئانا، دۇئايىڭغا دۇتار بولدۇم، ۋىسال ئىزلەپ يات يەرلەردىن ئۆزگە ۋەتەن تۇتار بولدۇم. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تاۋاپ قىلىدىغان، چوقۇنىدىغان جاي:[مىسال:] قىبلىگاھ بولدۇڭ جاھانغا، كۆرسىتىپ ھەق يولىنى. ئالغۇسى ئالەم ئۆزىگە، سەن ئۆزۈڭدىن نۇر، ۋەتەن.

قىبلىنەما

  • قىبلىنەما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كومپاس:[مىسال:] مىلتىق دورىسىنىڭ پوجاڭزا ياساشتىن، قىبلىنەمانىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن باشقا كېرىكىمۇ بارمۇ [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يول كۆرسەتكۈچى، نىشاننى بەلگىلەپ بەرگۈچى، يېتەكچى:[مىسال:] قىبلىنەما قىلماق.

قىپچا

  • قىپچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلاشتا، ئۇلاق تۈۋى ئۈستىگە ئۇلاش ئۈچۈن ئېلىنغان نوتا ياكى بىخ.

قىپچاق

  • قىپچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ⅩⅠ— ⅩⅤئەسىرلەردە، ئۇرال تاغلىرى بىلەن ۋولگا دەرياسى ئارىلىقىدا ۋە ھازىرقى قازاقىستاننىڭ مەركىزى ھەم غەربى قىسىملىرىدا ياشىغان شۇ چاغدىكى كۆچمەن تۈركىي قەبىلىنىڭ نامى.

قىپچاقچە

  • قىپچاقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىپچاق تىلى.

قىپچانماق

  • قىپچانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئوڭايسىزلانماق، تارتىنماق، قورۇنماق:[مىسال:] ئەنۋەر تاتۇقلىرىنى يوشۇرىدىغانغا يەر تاپالماي تولىمۇ قىپچاندى.

قىتات

  • قىتات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆرپە، چاچنى بويايدىغان بىر خىل دورا، چاچ بوياش دورىسى.

قىتاتلاتماق

  • قىتاتلاتماق[يەشمىسى:] «قىتاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىتاتلاشماق

  • قىتاتلاشماق[يەشمىسى:] «قىتاتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىتاتلانماق

  • قىتاتلانماق[يەشمىسى:] «قىتاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىتاتلىماق

  • قىتاتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىتات بىلەن بويىماق، قىتات سۈرمەك:[مىسال:] چاچنى قىتاتلىماق.

قىتان

  • قىتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى قەبىلىلەردىن بىرى، كېيىن ئۇلارنىڭ بىر بۆلىكى ئۇيغۇرلارغا قېتىلىپ كەتكەن.

قىتئە

  • قىتئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ①>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ دېڭىز ۋە ئوكيانلار بىلەن قورشالغان ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھەربىرى. يەرشارىدا ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوكيانىيە ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىن ئىبارەت يەتتە قىتئە بار. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] لىرىك شېئىرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى بىر تۈرى. ئۇنىڭدا جۈپ مىسرالار (ئىككىنچى، تۆتىنچى، مىسرالار) قاپىيىلىنىپ، تاق مىسرالار ئوچۇق قالىدۇ. ئۇ ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

قىتلانماق

  • قىتلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يولغا كىرمەك، تولۇق پايدىلانغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلمەك (تۈرلۈك ئەسۋابلار ھەققىدە):[مىسال:] بۇ ھەرە قىتلىنىپتۇ.

قىتمال

  • قىتمال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەپ-سۆز ئانچە تەسىر قىلمايدىغان، بىرەر ئىش ئۈچۈن بەك ئالدىراپ، ئۆڭۈپ كەتمەيدىغان؛ قېلىن.

قىتماللاشتۇرماق

  • قىتماللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قىتماللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىتماللاشماق

  • قىتماللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپ-سۆز تەسىر قىلمايدىغان، بىرەر ئىشقا ئانچە ئۆڭۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالماق، قېلىن ئادەمگە ئايلانماق:[مىسال:] بۇ بالا تىل ئىشىتىۋېرىپ قىتماللىشىپ كېتىپتۇ.

قىتماللىق

  • قىتماللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەپ تەسىر قىلماسلىق، قېلىنلىق.

قىتىغۇر

  • قىتىغۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلار بىلەن چىقىشالمايدىغان، سىغىشالمايدىغان؛ دائىم چاتاق چىقىرىپلا يۈرىدىغان؛ ئىچى يامان، ھەسەتخور:[مىسال:] قىتىغۇر ئادەم. قىتىغۇر خوتۇن. ∥ مەن ھېلىقى قىتىغۇرنىڭ بىرىنى ئۇرۇپ، قاپىقىنى يېرىپ قويدۇم.

قىتىغۇرلۇق

  • قىتىغۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچى يامانلىق، ھەسەتخورلۇق:[مىسال:] قىتىغۇرلۇق قىلماق.

قىتىڭشىماق

  • قىتىڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇرۇپ ئۇ يەردە، تۇرۇپ بۇ يەردە يۈرمەك، بىر يەردە جىم تۇرالماسلىق.

قىچا

  • قىچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سېرىق، ئومۇم گۈل رېتىدە، مېۋىسى قىسقا، مۈڭگۈزلۈك مېۋە، ئۇرۇقىدىن ماي تارتىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم مايلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

قىچقارتماق

  • قىچقارتماق[يەشمىسى:] «قىچقارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىچقارماق

  • قىچقارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاۋاز، تاۋۇش چىقىرىپ خەۋەر قىلماق؛ چاقىرماق:[مىسال:] تۇتسا سېپى يوق، قىچقارسا ئېتى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەكلىپ قىلماق، ئېيتماق:[مىسال:] مېھمانغا قىچقارماق.[يەشمىسى:] ③ چىللىماق، سايرىماق:[مىسال:] توخۇ بىلگىنىنى قىچىرار (ماقال).

قىچقىرىشماق

  • قىچقىرىشماق[يەشمىسى:] «قىچقارماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار يوقاپ كەتكەن سىڭلىسىنى قىچقىرىشتى.

قىچقىرىلماق

  • قىچقىرىلماق[يەشمىسى:] «قىچقارماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قىچقىرىلغان مېھمانلار كەينى-كەينىدىن كېلىشكە باشلىدى.

قىچىشتۇرماق

  • قىچىشتۇرماق[يەشمىسى:] «قىچىشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىچىشقاق

  • قىچىشقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] يۇقۇملۇق تېرە كېسىلى. قوتۇر كانىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە قول ئالىقىنى، بارمىقى، ساغرا، قورساق قاتارلىق ئورۇنلارغا چىقىدۇ. بۇنىڭدا مەلۇم ئورۇندا دۆڭچە ئەسۋىلەر پەيدا بولۇپ، رەڭگىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. قاتتىق قىچىشتۇرىدۇ.

قىچىشماق

  • قىچىشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەدەندە تاتىلاشقا مەجبۇر قىلىدىغان بىر خىل سېزىم پەيدا بولماق:[مىسال:] بىقىنى قىچىشماق.

قىچىق

  • قىچىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «غىدىق»قا قاراڭ.

قىچىقلاشماق

  • قىچىقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىدىقلاشماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ئالدىدىكى لۆم-لۆم كارىۋات ئۈستىگە دۈم چۈشۈپ چۆكۈپلا كەتتى، ئارقىدىن رىسالەتمۇ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى. ئىككى دوست بىر-بىرى بىلەن قىچىقلىشىپ، پومداقلىشىپ بىرھازا كۈلۈشتى.

قىچىقلىماق

  • قىچىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «غىدىقلىماق»قا قاراڭ:[مىسال:] تاپىنىنى قىچىقلىماق.

قىچىلىق

  • قىچىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. قىچا تېرىپ ئۆستۈرگەن، قىچا كۆپ ئۆسكەن:[مىسال:] قويۇق ئۆسكەن قىچىلىق ئېتىزدىن ئۆتتۇق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىچا تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن، قىچا كۆپ يەر:[مىسال:] قىچىلىقتا ئىشلىمەك. قىچىلىققا بارماق.

قىدام

  • قىدام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۇلدىسى يوق كەكە:[مىسال:] تاز قىزغا ئەر تاپماق — قىدام كەكىگە ساپ تاپماق (ماقال).

قىدىرتماق

  • قىدىرتماق[يەشمىسى:] «قىدىرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىدىرماق

  • قىدىرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تېپىشقا ھەرىكەت قىلماق، تېپىش ئۈچۈن ئۇرۇنماق؛ ئاختۇرماق، ئىزدىمەك؛ تەكشۈرمەك:[مىسال:] ئۆيمۇئۆي قىدىرىماق.[يەشمىسى:] ② تەكشۈرۈش، قىدىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماق؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماق:[مىسال:] تەكلىماكاننى قىدىرىپ تەكشۈرمەك.

قىدىرىشماق

  • قىدىرىشماق[يەشمىسى:] «قىدىرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىدىرىلماق

  • قىدىرىلماق[يەشمىسى:] «قىدىرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىر

  • قىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ قىرغىقى، يېنى، ياقىسى، گىرۋىكى:[مىسال:] شىرەنىڭ قىرى.[يەشمىسى:] ② كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك، دالا:[مىسال:] ئوغلۇم يەپ ئوۋغا كەتتى، قىزىم يەپ قىرغا كەتتى (ماقال).[يەشمىسى:] ③ دېھقانچىلىقتا ئېتىزلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ۋە سۇغىرىش ئۈچۈن توپىدىن سېلىنغان توسما؛ تىرگەن:[مىسال:] قىر چاپماق. قىر تارتماق.[يەشمىسى:] ④ كۆزنىڭ كىرپىك ئورۇنلاشقان جايى:[مىسال:] كۆزنىڭ قىرى بىلەن قارىماق.

قىرائەت

  • قىرائەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قۇرئاننىڭ سۈرە-ئايەتلىرىنى ئاھاڭ بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇش:[مىسال:] قىرائەت قىلماق.

قىرائەتخان

  • قىرائەتخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قۇرئان سۈرىلىرىنى ئاھاڭ بىلەن ئوقۇيدىغان، قىرائەت قىلىدىغان كىشى؛ قارىي. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي، قارىسىغىلا، يادلىغاندەك سۆزلەيدىغان، ئوقۇيدىغان كىشى.

قىرائەتخانا

  • قىرائەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قۇرئاننى يادلاش ۋە قىرائەت بىلەن ئوقۇشنى ئۆگىتىدىغان كونا مەكتەپ.[يەشمىسى:] ② گېزىت-ژۇرنال ۋە كىتاب ئوقۇش، ئىختىيارىي ئۆگىنىش ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئورۇن؛ كۈتۈپخانا:[مىسال:] قىرائەتخانا ئاچماق.

قىرائەتخانلىق

  • قىرائەتخانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قۇرئاننى قىرائەت بىلەن ئوقۇش. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] سەلب.[يەشمىسى:] مەنىسىنى ياخشى چۈشىنىپ يەتمەي ۋە تەنقىدىي كۆز بىلەن قارىماي يۈزەكى يادلاش، يۈزەكى ئۆگىنىش.

قىران

  • قىران[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆسۈپ يېتىلگەن؛ كۈچ-قۇۋۋەتتە ۋايىغا، كامالەتكە يەتكەن:[مىسال:] قىران يىگىت.[يەشمىسى:] ② باتۇر، جەسۇر:[مىسال:] قىران قۇش.

قىرانلىق

  • قىرانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىران مەزگىل. قىران ھالەت:[مىسال:] بۇ ئادەم قىرانلىق يېشىغا يەتكۈچە تۆت قېتىم لەقەمگە ئېرىشكەنىدى.

قىرت

  • قىرت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەك ئەزمە، ئورۇنسىز گېپى تۈگىمەيدىغان:[مىسال:] قىرت ئادەم. قىرت خوتۇن.

قىرتاق

  • قىرتاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۈچۈمەل ئاچچىق، قېرىق:[مىسال:] قىرتاق تەم. تەمى قىرتاق بىرنېمە.

قىرتاقلاشماق

  • قىرتاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىرتاق ھالەتكە كەلمەك، قىرتاق بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئەتىياز بولغاندا بەسەينىڭ تەمى قىرتاقلىشىپ قالىدۇ.

قىرتۇ

  • قىرتۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئورۇق، ئاۋاق.

قىرتىش

  • قىرتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۈز-چىراي.

قىر-چاپ

  • قىر-چاپ[يەشمىسى:] ئۇدۇل كەلگەننى مىلتىق قاتارلىقلار بىلەن ئېتىش، قىرىش ۋە قىلىچ بىلەن چېپىش؛ جىددىي قىرغىن:[مىسال:] قىر-چاپ قىلماق.

قىرچاڭغۇ

  • قىرچاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا ئىشلەپ قىرچىلىپ، ھۇرۇنلىشىپ كەتكەن؛ قاشاڭ:[مىسال:] قىرچاڭغۇ ئات. ∥ تۆمۈر خەلپە بۇرۇنقى قىرچاڭغۇسىنىڭ ئورنىغا مۇشۇ ئاتنى مىنىدىغان بولغانىدى.

قىرچاڭغۇلۇق

  • قىرچاڭغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئىشنى قىلىۋېرىپ قاتتىق بىزار بولۇش، زېرىكىش، ھېرىش.

قىرچىلاڭغۇ

  • قىرچىلاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان قىرچىلىدىغان:[مىسال:] قىرچىلاڭغۇ رەخت.

قىرچىلدۇرماق

  • قىرچىلدۇرماق[يەشمىسى:] «قىرچىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىرچىلما

  • قىرچىلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى تولا قىلىپ، تولا ئىشلەپ قاتتىق بىزار بولۇپ كەتكەن، تويۇپ كەتكەن؛ قىرچىلاڭغۇ، قىرچاڭغۇ:[مىسال:] قىرچىلما ئادەم. قىرچىلما بالا.

قىرچىلماق

  • قىرچىلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ قىرلىرى، بۇرجەكلىرى بۇزۇلۇپ، ئۇپراپ، تىتىلىپ، غاجىلىپ كەتمەك؛ يىرتىلىپ كونىرىماق:[مىسال:] چاپاننىڭ يەڭلىرى قىرچىلىپ كەتمەك.[يەشمىسى:] ② ئۇزۇن مەزگىل بىر خىل ئىشنى، ئىش-ھەرىكەتنى تولا قىلىۋېرىپ قاتتىق بىزار بولماق، قاتتىق زېرىكمەك:[مىسال:] مەن بۇ ئىشنى تولا قىلىپ بەك قىرچىلىپ كەتتىم.

قىرچىن

  • قىرچىن [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] توغراقنىڭ بىر خىلى. يوپۇرمىقى ئۇزۇنچاق، قوۋزىقى نېپىز، ئۇششاق شاخلىرى كۆپ بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىڭ، پىششىق.

قىرچىنتال

  • قىرچىنتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىرچىن+تال[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى تۇتۇق قوڭۇر يېشىل رەڭدە بولۇپ ئاتىلىق، ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپلەردە بولىدۇ. سۇ ياقىلىرىدا ئۆسىدۇ. چىۋىقلىرىدىن ھەر خىل سايمان-جابدۇقلارنى توقۇشقا بولىدۇ.

قىر-دالا

  • قىر-دالا[يەشمىسى:] قىر ۋە دالا:[مىسال:] تۈلكە ئادەتتە قىر-دالىلاردا ياشايدىغان بىر خىل ھايۋاندۇر.

قىرس

  • قىرس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چۈرۈك نەرسىلەرنىڭ سۇنۇشىدىن ھاسىل بولىدىغان پەس ئاۋاز.

قىرسسىدە

  • قىرسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «قىرس» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «قىرس» قىلىپ:[مىسال:] قومۇش قىرسسىدە سۇندى.

قىرس-قىرس

  • قىرس-قىرس[يەشمىسى:] «قىرس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

قىرسلاتماق

  • قىرسلاتماق[يەشمىسى:] «قىرسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىرسلىماق

  • قىرسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قىرس» قىلغان ئاۋاز چىقماق، قىرسىلدىماق:[مىسال:] ئوتۇن قىرسلاپ كۆيدى.

قىرسىق

  • قىرسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇرمۇشتا ناھايىتى چىڭ؛ پىخسىق.

قىرسىلداتماق

  • قىرسىلداتماق[يەشمىسى:] «قىرسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىرسىلدىماق

  • قىرسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قىرس-قىرس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «قىرس-قىرس» قىلماق.

قىرغاق

  • قىرغاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۇنىڭ لېۋى، ياقىسى؛ ساھىل:[مىسال:] دېڭىز قىرغىقى.[يەشمىسى:] ② يېيىق نەرسىلەرنىڭ چېتى، قىرى، گىرۋىكى:[مىسال:] رومالنىڭ قىرغىقى.[يەشمىسى:] ③ يول ۋە شۇ قاتارلىقلارنى بويلاپ كەتكەن يەر؛ ياقا:[مىسال:] يولنىڭ ئىككى قىرغىقى.

قىرغاقچى

  • قىرغاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشىك-دېرىزىلەرنىڭ قىرغاق سۇۋاقلىرىنى تۈزلەيدىغان، قىرغاق چىقىرىدىغان ئەسۋاب.

قىرغاقلىق

  • قىرغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرغىقى بار، قىرغاق چىقىرىلغان:[مىسال:] قىرغاقلىق بۆز.

قىرغاۋۇل

  • قىرغاۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. شەكلى توخۇغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەركىكىنىڭ قۇيرۇقى ئۇزۇن، پەيلىرى چىرايلىق بولۇپ، كۆپىنچە قىزغۇچ ياكى توق يېشىل كېلىدۇ، پارقىرايدۇ؛ چىشىسىنىڭ قۇيرۇقى قىسقىراق كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ. يۈگۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئۇزۇنغا ئۇچالمايدۇ. قۇيرۇق پەيلىرى زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە «ياۋا توخۇ»، «تاغ توخۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

قىرغۇ

  • قىرغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنى قىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. مېتالدىن ياسىلىدۇ. شەكلى ھەر خىل بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] دېتاللارنى قىرىدىغان، شىلىدىغان ئىشى، مەشغۇلاتى:[مىسال:] قىرغۇ ئىستانوكى. قىرغۇ ئىشچىسى.

قىرغۇچⅠ

  • قىرغۇچⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېلىقنىڭ ياڭاق سۆڭىكى.

قىرغۇچⅡ

  • قىرغۇچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قىرغۇ»غا قاراڭ.

قىرغۇچى

  • قىرغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرىش، ئۆلتۈرۈش، بۇزۇش، ۋەيران قىلىش، يوقىتىش رولىنى ئوينايدىغان:[مىسال:] قىرغۇچى ئايرۇپىلان. ∥ قىرىلماسلىق ئۈچۈن قىرغۇچىلارنى قىرىپ تاشلاش كېرەك.

قىرغۇزماق

  • قىرغۇزماق[يەشمىسى:] «قىرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىرغۇزۇلماق

  • قىرغۇزۇلماق[يەشمىسى:] «قىرغۇزماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىرغىز

  • قىرغىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. قىرغىز مىللىتى. ئۇلار ئېلىمىزدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئولتۇراقلاشقان. چەت ئەللەردە قىرغىزىستاننىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

قىرغىزچە

  • قىرغىزچە [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرغىز خەلقىگە، ئۇنىڭ تىل-يېزىقى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] قىرغىزچە ئۇسسۇل. قىرغىزچە ئادەت. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرغىز تىلى:[مىسال:] ئۇ قىرغىزچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قىرغىز تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىپ، قىرغىز تىلىدا:[مىسال:] قىرغىزچە سۆزلىمەك.

قىرغىنⅠ

  • قىرغىنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەر كۆپلەپ قىرىلىدىغان، كۆپ قان تۆكۈلىدىغان ئۇرۇش، جەڭ؛ كۆپلەپ قىرىلىش، ئۆلۈش:[مىسال:] بۇ، كېچە بولۇپ ئۆتكەن بايىقى دەھشەتلىك قىرغىننىڭ بىردىنبىر تىرىك قالغان شاھىتى ئەنسارى ئىدى. * قىرغىن قىلماق.

قىرغىنⅡ

  • قىرغىنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دېدەك، قۇل.

قىرغىن-چاپقۇن

  • قىرغىن-چاپقۇن[يەشمىسى:] ئۆلتۈرۈش، قىرىش، زور قىرغىنچىلىق.

قىرغىنچىلىق

  • قىرغىنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتتىق قىرغىن، قاتتىق قىرغىن قىلىش؛ كۆپلەپ ئۆلۈش، قىرىلىش:[مىسال:] قىرغىنچىلىق قىلماق.

قىرغىنلىق

  • قىرغىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرغىن بولغان، قىرغىنغا تولغان:[مىسال:] قىرغىنلىق جەڭ.

قىر-قاش

  • قىر-قاش[يەشمىسى:] ئېتىزنىڭ قىرى، توسما، تۇغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار.

قىرقىتماق

  • قىرقىتماق[يەشمىسى:] «قىرقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قوينىڭ يۇڭىنى قىرقىتماق.

قىر-قىر

  • قىر-قىر [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆپ، تولا، مىغ-مىغ.

قىرقىراتماق

  • قىرقىراتماق[يەشمىسى:] «قىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىرقىراشماق

  • قىرقىراشماق[يەشمىسى:] «قىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىرقىرىماق

  • قىرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىرقىرىماق.

قىرقىشماق

  • قىرقىشماق[يەشمىسى:] «قىرقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىرقىقسىز

  • قىرقىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرقىلمىغان، قىرقىپ قويۇلمىغان: قىرقىقسىز قوي.

قىرقىقلىق

  • قىرقىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرقىلغان، قىرقىپ قويۇلغان:[مىسال:] بۇ قىرقىقلىق قوي بىزنىڭ ئەمەس.

قىرقىلما

  • قىرقىلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرقىپ قويۇلغان، قىرقىلغان:[مىسال:] قىرقىلما تېرە. قىرقىلما يۇڭ.

قىرقىلماق

  • قىرقىلماق[يەشمىسى:] «قىرقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىرقىم

  • قىرقىم[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرقىپ قويۇلغان، قىرقىلغان، كەسمە:[مىسال:] قىرقىم چاچ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرقىش ئىشى:[مىسال:] قويلارنىڭ بىرىنچى قىرقىمى ئەتىيازدا، ئىككىنچى قىرقىمى كۈزدە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرقىش پەيتى:[مىسال:] قوي يۇڭى قىرقىمغا كەلدى.

قىرقىما

  • قىرقىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «قىرقىم»غا قاراڭ:[مىسال:] قىرقىما چاچ.

قىرقىماق

  • قىرقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاچ-ساقال، تۈك، يۇڭ، قانات ياكى دەرەخكە ئوخشاش ئۇزۇن ھەم تال-تال نەرسىلەرنى مەلۇم ئۇزۇنلۇقتا قالدۇرۇپ، ئۇچىنى قايچا قاتارلىقلار بىلەن كەسمەك، قىيماق؛ قىيىپ قىسقارتماق:[مىسال:] چاچنى قىرقىماق.

قىرقىندى

  • قىرقىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرقىپ چىقىرىۋېتىلگەن نەرسە:[مىسال:] چاچ قىرقىندىلىرى.

قىرلاتماق

  • قىرلاتماق[يەشمىسى:] «قىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كېسەك قىرلاتماق. ئېرىقنى قىرلاتماق. قىرنى قىرلانماق.

قىرلاشماق

  • قىرلاشماق[يەشمىسى:] «قىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار كېسەك قىرلاشتى.

قىرلاقلىق

  • قىرلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرلانغان، قىرلاپ قويۇلغان:[مىسال:] ئۇنىڭ تەلپىكى قىرلاقلىق ئىدى.

قىرلانماق

  • قىرلانماق[يەشمىسى:] «قىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىرلىق

  • قىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرى بار، قىر چىقىرىلغان:[مىسال:] قىرلىق ياغاچ. قىرلىق تۆمۈر.

قىرلىماق

  • قىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىر پەيدا قىلماق، قىر سالماق:[مىسال:] ئېرىقنى قىرلىماق.[يەشمىسى:] ② قىرىچە قويماق؛ ئۈستى-ئۇستىگە قويۇپ ئېگىزلەتمەك:[مىسال:] كېسەك قىرلىماق.[يەشمىسى:] ③ قىر چىقارماق:[مىسال:] شەپكىسىنى قىرلىماق.

قىرماق

  • قىرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ يۈزى، ئىچى ۋە باشقا جايلىرىدىكى قاتتىق-قۇرۇق نەرسىلەر، ئېگىز-پەس يەرلەر ياكى ئۈستىدىكى موي، تۈك قاتارلىقلارنى تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن كېسىپ ئېلىۋەتمەك، تۈزلىمەك، سىلىقلىماق:[مىسال:] قازان قىرماق. سەۋزە قىرماق.[يەشمىسى:] ② قورال بىلەن كۆپلەپ ئېتىپ ئۆلتۈرمەك، قىرغىن قىلماق:[مىسال:] دۈشمەننى قىرماق.[يەشمىسى:] ③ كېسىپ تۈگەتمەك، بىرنى قويماي يوقاتماق:[مىسال:] دەرەخلەرنى قىرماق. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېلىۋەتمەك (ھامىلە ھەققىدە):[مىسال:] بالا قىرماق.[يەشمىسى:] ⑤ قاقماق:[مىسال:] گېلىنى قىرماق.

قىرمۇقىر

  • قىرمۇقىر[يەشمىسى:] قىر بېسىپ، بىر قىرنىڭ كەينىدىن يەنە بىر قىرنى، بىر قىرنىمۇ تاشلاپ قويماي:[مىسال:] قىرمۇقىر ئارىلىماق.

قىرمىز (ى)

  • قىرمىز (ى)[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] رەڭگى قىزىل، قىزىل:[مىسال:] قىرمىزى گۈل. ∥ دىل كۆكىنىڭ ماھى ئۇ، گۈزەللەرنىڭ شاھى ئۇ، بولبۇل بولۇپ تەلمۈردۈم، گۈل قىرمىزى كۆرۈندى.

قىرمىزاق

  • قىرمىزاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەكچە.

قىرو

  • قىرو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 0℃ تىن تۆۋەن بولغاندا، يەر يۈزىگە يېقىن ھاۋا تەركىبىدىكى سۇ پارىنىڭ يەر ئۈستىدىكى جىسىملار يۈزىدە قېتىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان ئاق رەڭلىك مۇز كرستاللىرى.

قىرودىماق

  • قىرودىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىرو باسماق، قىرو پەيدا بولماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاقارماق:[مىسال:] چاچلىرىم قىرودىدى.

قىروسىز

  • قىروسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرو يوق، قىرو چۈشمىگەن:[مىسال:] قىروسىز مەزگىل.

قىرولۇق

  • قىرولۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرو چۈشكەن، قىرو ئېرىمىگەن:[مىسال:] قىرولۇق مەزگىل.

قىرىچە

  • قىرىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قىرى بىلەن، قىرى ئارقىلىق:[مىسال:] قىرىچە تەگمەك. قىرىچە ئۇرماق.

قىرىچە-يېنىچە

  • قىرىچە-يېنىچە[يەشمىسى:] قىرى-يېنى بىلەن، قوپاللىق بىلەن:[مىسال:] قىرىچە-يېنىچە گەپ قىلماق، قىرىچە-يېنىچە تەگمەك.

قىرىش

  • قىرىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] قىرىش ئىستانوكىدا قىرىش پىچىقى بىلەن دېتاللارنى قىرىپ پىششىقلاپ ئىشلەش مەشغۇلاتى:[مىسال:] قىرىش پىچىقى. قىرىش ئىستانوكى.

قىرىشماق

  • قىرىشماق[يەشمىسى:] «قىرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىرىق

  • قىرىق[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ① ئوننىڭ تۆت قېتىم قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سان:[مىسال:] قىرىق ئادەم.[يەشمىسى:] ② ئىسىمنىڭⅢشەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسىنىڭ بىرلىكى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، تۇغۇلغان ياكى ئۆلگەندىن كېيىنكى قىرىقىنچى كۈننى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قىرىقى توشماق. قىرىقىنى قىلماق.

قىرىق سۈيى

  • قىرىق سۈيى[يەشمىسى:] بالا تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا، بالىنى يۇيۇش ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان سۇ.

قىرىق نەزىرى

  • قىرىق نەزىرى[يەشمىسى:] كىشى ئۆلۈپ 40 كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىر.

قىرىقى ئانىسى

  • قىرىقى ئانىسى[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە بوۋاق تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا، بوۋاقنى زاكىسىدىن ئايرىپ، پۈتۈن بەدىنىگە ئۇپا سۈرتۈپ «قىرىقى سۈيى»گە ئاتاپ تەييارلانغان يېڭى[يەشمىسى:] كىيىملىرىنى بوۋاققا كىيدۈرىدىغان ئايال.

قىرىقئاياغ

  • قىرىقئاياغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىرىق+ئاياغ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئېشەكقۇرتى»غا قاراڭ.

قىرىقبوغۇم

  • قىرىقبوغۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىرىق+بوغۇم[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاپورتنىكلارنىڭ بىر تۈرى، يەنى قىرىقبوغۇم ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يېشىل، نەيچە شەكىللىك، بوغۇمى بار، يوپۇرمىقى رودىمېنتلىشىپ تەڭگىچە ياپراققا ئايلانغان، كۆپىيىش ئەزاسى قەلەم ئۇچى شەكلىدە بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. غولى يىرىك، ياغاچ سايمانلار ۋە مىس سايمانلارنى سىلىقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، جۇڭيىدا دورا قىلىنىدۇ، كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالايدۇ.

قىرىقبوغۇمسىمان

  • قىرىقبوغۇمسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرىقبوغۇمغا ئوخشايدىغان، قىرىقبوغۇم شەكلىدىكى:[مىسال:] قىرىقبوغۇمسىمان چاكاندا.

قىرىققۇلاق

  • قىرىققۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىرىق+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاپورتنىكلارنىڭ بىر تۈرى، يەنى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تاغلىق رايونلارنىڭ نەم، سايە ئورۇنلىرىدا ئۆسىدۇ. يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن، يەر ئاستىدا توغرىسىغا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. يوپۇرمىقىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە سپورا خالتا دۆۋىلىرى بولىدۇ، سپورا ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. يۇمران يوپۇرمىقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، يىلتىزسىمان غولىدىن كراخمال ئېلىشقا بولىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار.

قىرىقىنچى

  • قىرىقىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تەرتىپ ئورنى 40 رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن، 39 دىن كېيىن، 41 دىن بۇرۇن تۇرىدىغان:[مىسال:] قىرىقىنچى ئادەم.

قىرىلماق

  • قىرىلماق[يەشمىسى:] «قىرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىرىم

  • قىرىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆچكە تېرىسىدىن يەرلىك ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن خۇرۇم:[مىسال:] قىرىم مەسە.

قىرىندى

  • قىرىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچ رەندىلىگەن ياكى دېتاللارنى ئىستانوكتا قىرغاندا چۈشكەن نېپىز پارچە نەرسىلەر.

قىز

  • قىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن، بالاغەتكە يەتسىمۇ تېخى توي قىلمىغان، ياتلىق بولمىغان ئايال:[مىسال:] قىز بالا.[يەشمىسى:] ② ئايال جىنسىگە مەنسۇپ بولغان پەرزەنت (ئۆز ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن):[مىسال:] قىز چىقارماق. قىز ئۇزاتماق.[يەشمىسى:] ③ قىزلارغا ياكى ياش جۇۋانلارغا نىسبەتەن مۇراجىئەت قىلىشتا؛ چاقىرىشتا ئىشلىتىلىپ، ھۆرمەت، ئەركىلىتىش، ئۆزىگە يېقىن تۇتۇش قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] قىزىم، سىز كىمنىڭ بالىسى بولىسىز دەپ سورىدى بوۋاي ھېلىقى جۇۋاندىن.

قىزارتماق

  • قىزارتماق[يەشمىسى:] «قىزارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ پىياز شاكىلى بىلەن قىزارتىپ پىشۇرغان تۇخۇملارنى ئەكېلىپ بېرىدۇ.

قىزارتىلماق

  • قىزارتىلماق[يەشمىسى:] «قىزارتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ پېشانىسى چىمداپ قىزارتىلغان، يۈز-كۆزلىرى ئىششىغان، چۇۋۇلغان چاچلىرى تېخى تارالمىغانىدى.

قىزارماق

  • قىزارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىزىل ياكى شۇنىڭغا يېقىن تۈس ئالماق؛ قىزىل ياكى شۇنىڭغا مايىل رەڭگە، تۈسكە كىرمەك:[مىسال:] ئۇ مۇسەللەس ئىچسىلا يۈزى قىزىرىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناتوغرا ئىش-ھەرىكىتى، قىلمىشى، گەپ-سۆزى، ئەيىبى، كەمچىلىكى ۋە باشقىلار تۈپەيلى بىركىم ئالدىدا قاتتىق خىجالەت تارتماق، ئوڭايسىزلانماق، ئۇيالماق:[مىسال:] تۇراخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ۋىللىدە قىزاردى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاچچىقى كەلمەك، خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق:[مىسال:] نېمانچە قىزىرىسەن، بولدى قىزارما.

قىزتالاق

  • قىزتالاق[قۇرۇلمىسى:]]قىز+تالاق[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] «قىزىڭ ئەر بىلەن بولۇشمىسۇن، لەنىتى» دېگەن مەنىلەردىكى ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] قىز تالاقلار ئالتۇن-كۈمۈشكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بىر كېچىدىلا غايىب بولىدىكەن.

قىز-جۇۋان

  • قىز-جۇۋان[يەشمىسى:] قىز ۋە جۇۋان:[مىسال:] بۈگۈنكى بازار ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى. ياسانغان قىز-جۇۋانلار تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنى ئورۇۋالغان، ئادەم مېڭىشقا بولمايتتى.

قىزچاق

  • قىزچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك قىز، ياش قىز:[مىسال:] ھېلىقى قىزچاق بىر تېلېگراممىنى ئەكىرىپ بەردى.

قىز-چوكان

  • قىز-چوكان[يەشمىسى:] قىز ۋە چوكان:[مىسال:] ئۇ بىرەر قىز-چوكانغا ساقال تاشلاپ گەپ-سۆز قىلىشنى بىلمەيتتى.

قىزدۇرغۇچ

  • قىزدۇرغۇچ [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر يەر ياكى نەرسىنى ئىسسىتىش رولىنى ئوينايدىغان ماشىنا ۋە شۇ خىلدىكى نەرسە. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىزىتىدىغان، ئىسسىتىدىغان:[مىسال:] باش ئەتىيازنىڭ قىزدۇرغۇچ قۇياشى يەر يۈزىگە ھايات بەخش ئىللىقلىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى.

قىزغانچۇق

  • قىزغانچۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەرسىسىنى باشقىلاردىن ئايايدىغان، قىزغىنىدىغان؛ ئىچى تار؛ بېخىل؛ رەشكچى، ھەسەتخور:[مىسال:] قىزغانچۇق بالا. ∥ قىزغانچۇقنىڭ ئېشىنى ئىت يەر (ماقال).

قىزغانچۇقلۇق

  • قىزغانچۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچى تارلىق، بېخىللىق؛ ھەسەتخورلۇق:[مىسال:] قىزغانچۇقلۇق قىلماق.

قىزغانماق

  • قىزغانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى ئۆتۈنۈشكە ئاغرىنماق، ئىچى تارلىق قىلماق، ئايىماق:[مىسال:] قېتىق سوراپ كەلگەنگە ئايىقىڭنى قىزغانما (ماقال).[يەشمىسى:] ② ھەسەت قىلماق، كۈنداشلىق قىلماق، رەشك قىلماق، كۆرەلمەسلىك قىلماق:[مىسال:] پەرىشتىنىڭ ئېشىدىن شەيتان قىزغىنىپتۇ (ماقال).

قىزغۇچ

  • قىزغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىزىلغا مايىل، سۇس قىزىل:[مىسال:] قىزغۇچ رەڭ.

قىزغىن

  • قىزغىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قايناق؛ سەمىمىي:[مىسال:] قىزغىن سالام. قىزغىن مۇھەببەت.[يەشمىسى:] ② جۇش ئۇرغان، جانلانغان، جانلىق جۇشقۇن، قايناق:[مىسال:] قىزغىن مۇنازىرە. قىزغىن سۆھبەت. ∥ بىز بىلەن ئۇلار قىزغىن كۆرۈشتى.

قىزغىنلىق

  • قىزغىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزغىن كەيپىيات، مۇئامىلە، جۇشقۇنلۇق:[مىسال:] قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالماق. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق.

قىزغىنىشماق

  • قىزغىنىشماق[يەشمىسى:] «قىزغانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ئەرلەر ئۇنىڭغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن نازارەت قىلىدىغان، قىز-خوتۇنلار بىر-بىرىدىن قىزغىنىشىپ، ئۇنى ئامال قىلىپ ئىزلەيدىغان دەرىجىگە يېتىشتى.

قىزقۇۋار

  • قىزقۇۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىز+قۇۋار[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى. ئۇ ئات ئۈستى تەنھەرىكىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە قىز-يىگىتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىش «كۆۋرۈكى» ھېسابلىنىدۇ. قىزقۇۋار ئەمەلىيەتتە بەلگىلەنگەن مۇساپە ئىچىدە، قىز-يىگىت ئىككىلا تەرەپ بىر قېتىمدىن قوغلىشىدۇ. دەسلەپتە يىگىت قىزنى قوغلاپ، قايتىشتا قىز يىگىتنى قوغلايدۇ.

قىزلىق

  • قىزلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىزى بار:[مىسال:] قىزلىق ئۆي خان كۆۋرۈكى (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىزلارغا خاس، قىزلاردا بولىدىغان:[مىسال:] قىزلىق ھۆسنىگە تولماق. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مىجەز، خاراكتېر، قىلىق ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] قىزلىقىنى قىلماق. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى:[مىسال:] گۈلبەھرەم قىزلىقىدا ناھايىتى چىرايلىق ئىدى.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىپپەت، ئىپپەت-نومۇس، مەسۇمەلىك:[مىسال:] قىزلىق پەردىسى. قىزلىقىنى يوقاتماق.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزلارغا خاس جىنسىي بەلگە، قىز جىنسى:[مىسال:] بۇ ئىككىسى پەقەت ئەرلىك ۋە قىزلىقتىلا بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدىكەن.

قىزىتقۇچ

  • قىزىتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ، قىزىتىش رولىنى ئوينايدىغان نەرسە:[مىسال:] ھاۋا قىزىتقۇچ.

قىزىتما

  • قىزىتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نۆلدىن يۇقىرى 39 گرادۇستىن ئېشىپ كېتىش ھادىسىسى:[مىسال:] قىزىتمىسى ئۆرلىمەك.

قىزىتماق

  • قىزىتماق[يەشمىسى:] «قىزىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] توينى قىزىتماق.

قىزىتىلماق

  • قىزىتىلماق[يەشمىسى:] «قىزىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىزىرىشماق

  • قىزىرىشماق[يەشمىسى:] ① «قىزارماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] باغدىكى ئانارلار قىزىرىشىپ پىشتى.[يەشمىسى:] ② خاپا بولۇشماق، رەنجىشمەك، ئاچچىقلىنىشماق:[مىسال:] مەخەتنىڭ ئوغلى بۇ ئىش ئۈچۈن دادىسى بىلەن تۇنجى قېتىم قىزىرىشتى.

قىزىشماق

  • قىزىشماق[يەشمىسى:] ① «قىزىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مېنىڭچە ئانچە قىزىشىپ كەتمەي، ئويلىشىپ كۆرەيلى، يېنىكلىك قىلمايلى.[يەشمىسى:] ② قىزغىنلىقى ئاشماق، كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك، قىزىماق، جانلانماق:[مىسال:] تاشۋاي راۋابىنى چالغانچە قىزىشىپ قالدى.

قىزىق

  • قىزىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھارارىتى، تېمپېراتۇرىسى كۆتۈرۈلگەن، ئىسسىق:[مىسال:] قىزىق چاي. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈلكىلىك؛ ھەيران قالارلىق؛ غەلىتە:[مىسال:] قىزىق گەپ. ∥ توي دېگەن كىچىك ئىش، ئۇنىڭ نېمە قىزىقى بار دېدى ئۇ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىزىقارلىق ئىش قىلىدىغان، يۇمۇرلۇق گەپ قىلىدىغان، قىزىقچى:[مىسال:] يۈز ئاچقۇسى بولماي تۇرۇپ، كېلىننىڭ يۈزىنى ئېچىۋەتسە، نېمە قىزىقى، دېدى قاسىم قىزىق. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان؛ جەلب قىلارلىق:[مىسال:] مېنىڭ بۇ ھېكايەم ناھايىتىمۇ قىزىق.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] لەززەت، مەنە:[مىسال:] ياشاشنىڭ نېمە قىزىقى قالىدۇ دەيسىز دېدى ئەلى بىر رومكا ئىچىپ.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىزغىن:[مىسال:] ئۇلار ئەلەمدار ۋە قەلەمدار بەگلەرنى دىۋانغا چاقىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزىق كېڭەش ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىزىغان، قىزىقارلىق، قايناق:[مىسال:] توينىڭ بولغىنىدىن، «بولىدۇ» سى قىزىق (ماقال).⑧ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېز، چاپسان، ئىتتىك، چاققان:[مىسال:] بالام، نېمە پۇتۇڭغا تاش ئېسىۋالغاندەك ماڭىسەن، قىزىق، قىزىق ماڭساڭ بولمامدۇ، دېدى ھەلىمە ئاچا.

قىزىقارلىق

  • قىزىقارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان، دىققەت-ئېتىبارىنى تارتىدىغان؛ جەلپ قىلارلىق؛ كۈلكىلىك:[مىسال:] قىزىقارلىق چۆچەك. ∥ ئۇ خېلى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىدى.

قىزىقتۇرماق

  • قىزىقتۇرماق[يەشمىسى:] «قىزىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چوڭ يىغىندا بولۇنغان گەپ-سۆزلەر ئۇنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇردى.

قىزىقتۇرۇلماق

  • قىزىقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قىزىقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىزىقچى

  • قىزىقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىق ھەرىكەتلىرى ۋە سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرنى كۈلدۈرىدىغان كىشى؛ ئارتىس.

قىزىقچىلىق

  • قىزىقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىزىقچىلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكىتى، قىلىقى؛ كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان پائالىيەت، ئىش:[مىسال:] قىزىقچىلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② قىزىق كەيپىيات:[مىسال:] شۇنىڭ قىزىقچىلىقىدا سېۋەتكە كېلىپ ئولتۇردۇم.

قىزىقسىندۇرماق

  • قىزىقسىندۇرماق[يەشمىسى:] «قىزىقسىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىزىقسىنماق

  • قىزىقسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىزىقىش ھېس قىلماق؛ قىزىقىش پەيدا بولماق، قىزىقماق:[مىسال:] قىزىقسىنىپ قارىماق.

قىزىقسىنىشماق

  • قىزىقسىنىشماق[يەشمىسى:] «قىزىقسىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىزىققاق

  • قىزىققاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا ئاسان قىزىقىپ قالىدىغان، قىزىقىدىغان:[مىسال:] قىزىققاق يازغۇچى.

قىزىققاقلىق

  • قىزىققاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىقىدىغان، قىزىقىپ قالىدىغان مىجەز-خاراكتېر:[مىسال:] ھەددىدىن ئارتۇق قايغۇ-ھەسرەتمۇ ئادەمنىڭ قىزىققاقلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

قىزىققان

  • قىزىققان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىق+قان[[يەشمىسى:] ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، ئاچچىقى تېز كېلىدىغان، ئۆزىنى باسالمايدىغان؛ مىجەزى سالماق، ئېغىر-بېسىق ئەمەس، قېنى قىزىق:[مىسال:] قىزىققان ئادەم.

قىزىققانلىق

  • قىزىققانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئاچچىقى تېز كېلىشتىن ئىبارەت روھى ھالەت:[مىسال:] قىزىققانلىق قىلماق.

قىزىق-قىزىق

  • قىزىق-قىزىق[يەشمىسى:] «قىزىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ كەچقۇرۇن ھېلىقى ياشقا بىر چىنە شورپا قىلىپ قىزىق-قىزىق ئىچكۈزۈپ قويدى. * كەچقۇرۇنلىرى توپ-توپ بالىلار ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يىغىلىپ، بوۋايدىن قىزىق-قىزىق ھېكايىلەرنى تىڭشايتتى.

قىزىقلىق

  • قىزىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىق ھالەت:[مىسال:] بىر خىل مېتالنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسى بەك ئۆرلەپ كەتسە بولمايدۇ.

قىزىقماق

  • قىزىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ساھە، ئىش ياكى نەرسىگە ئىشتىياق باغلىماق، ھەۋەس قىلماق:[مىسال:] مۇزىكىغا قىزىقماق.[يەشمىسى:] ② دىققەت-ئېتىبار بەرمەك، كۆڭۈل قويماق، بېرىلمەك:[مىسال:] مەن «تۆمۈر خەلپە يېغىلىقى» ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمدىن ئېسىمدە قالغانلىرىنى سۆزلەپ بەردىم، ئابباسۇپ قىزىقىپ ئاڭلىدى.[يەشمىسى:] ③ قىزىق تۇيۇلماق، قىزىقارلىق بىلىنمەك، قىزىقسىنماق:[مىسال:] تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتىدۇ لەيلىگۈل قىزىقىپ سورىدى.

قىزىقىدا

  • قىزىقىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① سوۋۇپ قالماستا، ئىسسىق ۋاقتىدا:[مىسال:] تاماقنى قىزىقىدا يېمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تازا پەيتىدە، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەستە:[مىسال:] ئىشنى قىزىقىدا قىلماق.

قىزىقىشلىق

  • قىزىقىشلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىدە قىزىقىش پەيدا قىلىدىغان، قىزىقارلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ دادىسىنىڭ بۇ ئادىتى رەيھاندا قىزىقىشلىق تەسىرات قالدۇرغانىدى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىقىش، ھەۋەس:[مىسال:] قىزىقىشلىق بىلەن سۆزلىمەك.

قىزىقىشماق

  • قىزىقىشماق[يەشمىسى:] «قىزىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شەھەردە پۈتۈنلەي مەن توغرۇلۇق گەپ، ھەممىسى ماڭا قىزىقىشىپ قارىشىدۇ.

قىزىل Ⅰ

  • قىزىل Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قان رەڭگىدىكى، قان رەڭلىك:[مىسال:] قىزىل گالستۇك. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىنقىلابىي؛ سىياسىي ئېڭى يۇقىرى، سىياسىۋىيلىكى كۈچلۈك:[مىسال:] قىزىل قوشۇن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك. بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە يېرىم ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار ناھايىتى ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

قىزىل ئارمىيە

  • قىزىل ئارمىيە[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ① ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلابىي ئارمىيە. تولۇق ئاتىلىشى جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى. [يەشمىسى:] ② 1946-يىلدىن ئىلگىرىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.

قىزىل بايراق

  • قىزىل بايراق[يەشمىسى:] ① رەڭگى قىزىل بايراق، ئۇ پرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ سىمۋولى:[مىسال:] ھۆكۈمەت بىناسى ئۈستىدە قىزىل بايراق قارس-قۇرس ئاۋاز چىقىرىپ جەۋلان قىلماقتا.[يەشمىسى:] ② مۇسابىقىلەردە ئۇتۇپ چىققانلارغا مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدىغان بايراق، يەنى ئىلغارلىقنىڭ بەلگىسى:[مىسال:] مەن قىزىل بايراقنى شۇلارغا بېرىشكە قوشۇلىمەن، شۇ چاغدىلا ھەق ئۆز جايىنى تاپقان بولىدۇ.

قىزىل رەقەم

  • قىزىل رەقەم[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] ئىقتىسادىي پائالىيەتتە چىقىمنىڭ كىرىمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان پەرقلىق سان. مۇنداق سان دەپتەرگە خاتىرىلىنىشتە قىزىل سىياھ بلەن يېزىلىدۇ:[مىسال:] قىزىل رەقەم كۆرۈلمەك.

قىزىل قەغەز ئالماق

  • قىزىل قەغەز ئالماق[يەشمىسى:] توي خېتى-نىكاھ قەغىزى ئالماق:[مىسال:] ئۇلار ئەتە قىزىل قەغەز ئالغىلى بارماقچى ئىدى.

قىزىل قىيامەت

  • قىزىل قىيامەت[يەشمىسى:] ئۇر-يىقىت، قىر-چاپ بولغان؛ ۋارقىراش-جارقىراش ئەۋج ئالغان، ئىنتايىن دەھشەتلىك ۋەزىيەت، قالايمىقانچىلىق:[مىسال:] قوللىرىغا پالتا-كەكە، پىچاق-قىڭراق، كالتەك-چوماق ئېلىشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئېتىلىپ كېلىشتى-دە، بىردەمنىڭ ئىچىدە ئۇ يەرنى قىزىل قىيامەت قىلىۋەتتى.

قىزىل كۆز

  • قىزىل كۆز[يەشمىسى:] مەككار، ھىيلىگەر، ئالدامچى:[مىسال:] مەن بۇ قىزىل كۆز ئوغرىنى دىيانەتلىك كىشى دەپ خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن.

قىزىل ئىشتان

  • قىزىل ئىشتان[يەشمىسى:] بۇزۇق ئايال.

قىزىلⅡ

  • قىزىلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چەشلەنگەن بۇغداي.

قىزىلاڭ

  • قىزىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ ئالا بولماستىن تۇرۇپلا غورىسى قىپقىزىل قىزىرىدىغان بىر تۈرى.

قىزىلبۇرۇن

  • قىزىلبۇرۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+بۇرۇن[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بۇرۇن ئۇچى دائىم قىزىرىپ تۇرىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك بىر خىل تېرە كېسىلى. سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس. كېسەللىك دائىم بۇرۇن ئۇچىدا يۈز بېرىپ، ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭدا، بۇرۇن ئۇچىدا قىزىل داغ پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي قارامتۇل قىزىلغا ئايلىنىدۇ. بۇرۇننىڭ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرە ياغ بەزلىرى يوغىناپ، قاتتىق تۈگۈنچە ھاسىل بولۇپ، سىقسا تېرە يېغى ئېقىپ چىقىدۇ.

قىزىلبۇغداش

  • قىزىلبۇغداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+بۇغداش[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆپىنچە قىزىل رەڭلىك بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئاددىي، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ شەكلى ھەر خىل بولىدۇ، رەڭگى يېشىل ياكى جىگەر رەڭ. گۈل رېتى باشاقسىمان. ئۇرۇقى قارا، پارقىراپ تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە سەي ئورنىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. يۇمران مايسىسى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى راۋان قىلىش رولى بار. تولغاق، بالىياتقۇ راكى، سېرىق كېسەللەرنى داۋالاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

قىزىلتاسما

  • قىزىلتاسما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+تاسما[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «قۇشقاچتىل»غا قاراڭ.

قىزىل-تىزىل

  • قىزىل-تىزىل[يەشمىسى:] قىزىل، قىزىل رەڭلىك، قىزىلغا ئوخشايدىغان ياكى قىزىلغا مايىل.

قىزىلچا

  • قىزىلچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① لويلا ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى تەركىبىدە قەنت ماددىسى بولۇپ، قەنت ئىشلەشنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى.

قىزىلچىلىق

  • قىزىلچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىلچا تېرىلغان يەر، ئېتىز.

قىزىلقۇلاق

  • قىزىلقۇلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+قۇلاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «كاكىنەچ»كە قاراڭ.

قىزلكوس

  • قىزلكوس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+كوس[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] 24 مەۋسۇمنىڭ ئالتىنچىسى. مىلادىيە 19-ياكى 21-ئاپرېلدىن باشلىنىدۇ.

قىزىلكۈيە

  • قىزىلكۈيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+كۈيە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بۇغداي، ئارپا ۋە سۇلۇ قاتارلىقلاردا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك. بۇنىڭدا كېسەللەنگەن تۈپىنىڭ باشىقى ئۈستىنى بىر قەۋەت ھال رەڭ زەمبۇرۇغ قاپلىۋېلىپ، دېنىنى پۈچەكلەشتۈرۈپ قويىدۇ. ئادەم ۋە چارۋىلار كېسەللەنگەن داننى يەپ سالسا، زەھەرلىنىپ قالىدۇ.

قىزىلگۈل

  • قىزىلگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەتىرگۈلنىڭ قىزىل ئېچىلىدىغان ئالاھىدە بىر تۈرى، ئۇنىڭ گۈلىدىن گۈلقەنت سېلىنىدۇ.

قىزىللاشتۇرۇشماق

  • قىزىللاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قىزىللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىزىللاشتۇرماق

  • قىزىللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قىزىللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىزىللاشتۇرۇلماق

  • قىزىللاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قىزىللاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەسكەرلەرنىڭ ئىدىيىسى قىزىللاشتۇرۇلدى.

قىزىللاشماق

  • قىزىللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىزىلغا ئايلانماق، قىزىللىق تۈسىنى ئالماق، قىزىلغا ئۆزگەرمەك. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كوممونىستىك پارتىيىنى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيىدىغانلاردىن بولماق:[مىسال:] ئۇلار ياشلارنى ھەم قىزىللاشقان، ھەم ئىختىساسلاشقانلاردىن بولۇپ چىقىشقا يېتەكلەپ، خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

قىزىللىق

  • قىزىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىل رەڭ ياكى قىزىل ھالەت:[مىسال:] كۆزگە قىزىللىق تىقىلماق. * كەچكى قۇياش تاغ ئارقىسىدىكى قىزىللىققا شۇڭغۇپ كەتتى.

قىزىلمارال

  • قىزىلمارال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+مارال[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۆك مارال ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. قورۇش، قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار. قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

قىزىلمۇچ

  • قىزىلمۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+مۇچ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «لازا»غا قاراڭ.

قىزىلمۇچلۇق

  • قىزىلمۇچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىلمۇچ تېرىلغان يەر، جاي.

قىزىلئۆڭگەچ

  • قىزىلئۆڭگەچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+ئۆڭگەچ[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] يۇتقۇنچاق ۋە ئاشقازانغا تۇتىشىدىغان نەيچىسىمان ئورگان. ئوزۇقلۇق ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق يۇتقۇنچاقتىن قىزىلئۆڭگەچكە كىرىدۇ ۋە قىزىلئۆڭگەچ مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراپ لۆمۈلدىشى نەتىجىسىدە ئاشقازانغا يەتكۈزۈلىدۇ.

قىزىلۋاش

  • قىزىلۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىزىل+باش[[يەشمىسى:] ① ئۆزىگە نامەھرەم خوتۇن-قىزلارغا يامان نىيەتلىك قىلىدىغان ئەر:[مىسال:] نەدىكىنى، ئۇمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىزىلۋاش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئوسمانىيلارنىڭ سەفەۋىلەرگە بەرگەن نامى. چۈنكى سەفەۋى قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەر باشلىرىغا قىزىل سەرپۇش كىيىشەتتى. ھازىرغا كەلگەندە بۇ نام شىئە گۇرۇھىنى كۆرسىتىدىغان بولدى.

قىزىماق

  • قىزىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تېمپېراتۇرىسى، ھارارىتى ئۆرلىمەك؛ ئىسسىماق:[مىسال:] تۆمۈر قىزىدى. دەزمال قىزىدى. ياغ قىزىدى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىزىقماق، قىزىقىش پەيدا بولماق:[مىسال:] كۈنلەر ئۆتۈپ يۈرىكىم ئۇنىڭغا قىزىپ قالدى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىددىي تۈس ئالماق؛ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلمەك، جانلانماق:[مىسال:] جەڭ قىزىماق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جىددىيلەشمەك؛ خاپا بولماق؛ ئاچچىقلانماق:[مىسال:] سادىرئاخۇن سۆزلىگەنسېرى تىللاخان قىزىپ نېرۋىسى ئۆرلەپ، جىلە بولماقتا ئىدى.

قىز-يىگىت

  • قىز-يىگىت[يەشمىسى:] قىز ۋە يىگىت:[مىسال:] بۇ يەردە قىز-يىگىتلەرنىڭ مەشرىپى خېلى قىزىغانىدى.

قىس

  • قىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئېھتىياجىدىن ئاز، يېتىشمەيدىغان، كەملىك قىلىدىغان:[مىسال:] بۇنداق قىس نەرسىلەرنى ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② زىچ، ئالدىراش:[مىسال:] ئۇنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىس بولۇپ، قولى قولىغا تەگمەي يۈرەتتى.

قىساس

  • قىساس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يامانلىققا قارىتا ئۆز ئەينى ئېلىنىدىغان ھېساب، ئىنتىقام، ئەنت، ئۆچ:[مىسال:] قىساس ئالماق. * نۇرغا تەشنا خەلقىمىز سېغىناتتى تاڭلارنى، قىساس ئوتى يۈرەكتە، ئۇرغۇتاتتى قانلارنى.

قىساس تۇتماق

  • قىساس تۇتماق[يەشمىسى:] يامانلىقى ئەينى شەكىلدە ئۆزىگە يانماق:[مىسال:] ئانىسى زورىخان قارغىۋىتىپتۇ دېمەمدۇ، قىساس تۇتتى بۇ بالىنى.

قىساسچى

  • قىساسچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىساس ئالغۇچى، قىساسخور، قىساسكار:[مىسال:] ئەلقەم قىساسچى قوشۇننىڭ ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ، بوز ئېتىنى ئوينىتىپ كېتىپ بارماقتا ئىدى.

قىساسچىلىق

  • قىساسچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىساس ئېلىش ئىشى، قىساسكارلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ كاللىسىنى ئەنە شۇ قىساسچىلىق چىرمىۋالغانىدى.

قىساسخور

  • قىساسخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قىساسچى»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم، لېكىن قىساسخور كىشى.

قىساسخورلۇق

  • قىساسخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىساسخورلارغا خاس مىجەز-خاراكتېر، قىلىق-ھەرىكەت:[مىسال:] مېنىڭ ياشلىقىمنى ئۆز قىساسخورلۇقىڭىزنىڭ قۇربانى قىلدىڭىز. ئۆچىڭىز چىقتىمۇ

قىساسكار

  • قىساسكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «قىساسچى»غا قاراڭ:[مىسال:] مەن بولسام سەنلەرنىڭ قولۇڭدا ناھەق نابۇت بولغان ئاشۇ مۇساپىرنىڭ قىساسكارىمەن.

قىساسكارلىق

  • قىساسكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قىساسچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ئىشى پۈتۈنلەي قىساسكارلىق ۋە ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

قىساسلىق

  • قىساسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىلمىشىغا يارىشا قىساس ئېلىنىدىغان، قىساس ئېلىشقا تېگىشلىك.

قىساسنامە

  • قىساسنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىساس ئېلىش ۋەسىيىتى يېزىپ قالدۇرۇلغان خەت.

قىساڭ

  • قىساڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاغ-جىلغىلارنىڭ تاريېرى.

قىستاتماق

  • قىستاتماق[يەشمىسى:] «قىستىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] زەينەپ ئۇنى ئانچە قىستاتمىدى.

قىستاشماق

  • قىستاشماق[يەشمىسى:] «قسىتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئادەمنىڭ قولى ئاران پاتقۇدەكلا تۆشۈك ئالدىدا ئادەملەر ھەدەپ بىر-بىرىنى قىستىشاتتى.

قىستاق

  • قىستاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتتىق جەبىر-زۇلۇم سېلىش، قىيىن-قىستاق:[مىسال:] بۇ ئېغىرلىققا ئارزۇ ئىگىلىرىنىڭ قىستاقلىرى يول بەردى، يەنى ئىلاجىنىڭ يوقلۇقىدىن بۇ تۇتۇرۇقسىز سوۋغىنى كۆتۈرۈپ يولغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى.

قىستاقچىلىق

  • قىستاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قىستاڭچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ھەي بۇ قىستاقچىلىق ئۆيدە ئازادە تىنىق ئېلىشمۇ قىيىن بولدى.

قىستا-قىستاڭ

  • قىستا-قىستاڭ[يەشمىسى:] ھەممە يېرى تولۇپ كەتكەن، قىسىلىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلغىلى بولمايدىغان، بوش جاي قالمىغان، ناھايىتى قىستاڭ:[مىسال:] ئاپتوبۇس بۈگۈن ئادەتتىكىدىنمۇ بەك قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتتى.

قىستا-قىستاڭچىلىق

  • قىستا-قىستاڭچىلىق[يەشمىسى:] ناھايىتى قىستا-قىستاڭ ھالەت، بەك قىستاڭچىلىق:[مىسال:] كامال قىستا-قىستاڭچىلىقتىن ئۆتۈپ بولغۇچە تەرلەپ-پىشىپ كەتكەنىدى.

قىستاڭ

  • قىستاڭ [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تار ۋە زىچلىقتىن ئەركىن ھەرىكەت قىلغىلى بولمايدىغان، قىستىلاڭ:[مىسال:] بۆلۈشۈۋالغان يېرىمىز تار ۋە قىستاڭ ئىدى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تار، قىستىلاڭ جاي:[مىسال:] گۈلقىز نەرسىلىرىنى قىستاڭغا جايلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنى يەلپۈشكە باشلىدى.

قىستاڭچىلىق

  • قىستاڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تار، قىستاڭ ھالەت:[مىسال:] ئاشخانىنىڭ ئىچى بەك قىستاڭچىلىق، كىشى بىلەن كىشىنىڭ كارى يوق ئىدى.

قىستاڭغۇ

  • قىستاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىگە تار، قىستاڭ بىلىنىدىغان؛ ئەركىن، ئازادە ھېس قىلىنمايدىغان:[مىسال:] قىستاڭغۇ دەۋرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلماي بولمايدۇ.

قىستاڭلىق

  • قىستاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىستاڭ ھالەت ياكى قىستاڭ جاي.

قىستالماق

  • قىستالماق[يەشمىسى:] «قىستىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەن كىشىلەر ئارىسىغا قىستالدىم.

قىستۇرما

  • قىستۇرما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارىسىغا قىستۇرۇلغان، قوشۇمچە قىلىنغان:[مىسال:] قىستۇرما رەسىم. قىستۇرما سۆز.

قىستۇرما سۆز

  • قىستۇرما سۆز[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىگە قىستۇرۇپ قوللىنىلىدىغان، ئەمما جۈملە قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىمايدىغان ياكى باغلىغۇچى قاتارلىق باشقا ياردەمچى سۆزلەرنىڭ رولىدىمۇ كەلمەيدىغان سۆز، سۆز بىرىكمىسى قاتارلىقلار. مەسىلەن، «مېنىڭچە، بۇ كىتاب ناھايىتى ياخشى يېزىلغان» دېسەك، بۇ يەردىكى «مېنىڭچە» قىستۇرما سۆز ھېسابلىنىدۇ.

قىستۇرماق

  • قىستۇرماق[يەشمىسى:] ① «قىسماقⅣ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پېشىنى بېلىگە قىستۇرماق. * مەن يوقلىما دەپتەرنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ سىنىپقا مېڭىپ كەتتىم. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ-سۆز ئارىسىغا قوشۇپ سۆزلىمەك، قوشۇمچە قىلماق؛ تىلغا ئالماق:[مىسال:] ھەدېسىلا سابىرنى قىستۇرۇپ چاقچاق قىلىسەن، بىلسەڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەسئولىيەت ناھايىتى ئېغىر.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم بىر جەريان ياكى ۋاقىت ئارىلىقىدىن پۇرسەت چىقىرىپ ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] بولىدۇ، مەن سىلىنىڭ بۇ پەلتونى ئارىغا قىستۇرۇپ بولسىمۇ تىكىپ بېرەي. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارقىسىغا سېلىۋالماق، ئەگەشتۈرۈۋالماق:[مىسال:] رابىخان بۈگۈنكى چايغا ئۈچ بالىسىنى قىستۇرۇپ كېلىپتۇ.

قىستۇرۇشماق

  • قىستۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قىستۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ساتار، داپ، تەمبۈرلىرىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇشۇپ، ھېيتكا جامەسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كوچىغا قاراپ يول ئېلىشتى.

قىستۇرۇقلۇق

  • قىستۇرۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىستۇرۇپ، تىقىپ قويۇلغان:[مىسال:] ئۇ كىشىنىڭ قۇلىقىغا قەلەم قىستۇرۇقلۇق ئىدى.

قىستۇرۇلما

  • قىستۇرۇلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىستۇرۇپ قويۇلىدىغان، قىستۇرۇلىدىغان:[مىسال:] قىستۇرۇلما قەۋەت.

قىستۇرۇلماق

  • قىستۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قىستۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ قولتۇقىغا ئىككى پارچە خۇرۇم، بىر تاختا چەم ۋە ئەستەرلىك بىشۇ قىستۇرۇلغانىدى.

قىستىلاڭ

  • قىستىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە يېرى توشۇپ كەتكەن، بوش يېرى قالمىغان؛ ناھايىتى تار، قسىتاڭ:[مىسال:] مەپە بەك قىستىلاڭ، ئورۇندۇقلىرى بەك تار ئىدى.

قىستىلىشماق

  • قىستىلىشماق[يەشمىسى:] «قىستالماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خوتۇن-قىزلاردىن ئۈچ-تۆتى قىستىلىشىپ مىلەڭزىنىڭ يوچۇقىدىن مارىشىپ تۇراتتى.

قىستىما

  • قىستىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىستايدىغان، قىستىلىدىغان، قىستاڭ ھالەتتىكى:[مىسال:] قىستىما خۇلاسە.

قىستىماق

  • قىستىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىگىلىگەن ئورنىنى تارلاشتۇرۇپ بۇلجۇيالمايدىغان قىلماق؛ تار، قىستاڭ يەرگە سۈرمەك، سىغداپ قويماق:[مىسال:] دۈشمەن ئۇلارنى ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② بوش ئورۇن قويماي بىر-بىرىگە كىرىشتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ تارتمىدىن قىستاپ خەت يېزىلغان بىرنەچچە ۋاراق قەغەزنى ئالدى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم بىر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىشقا قاتتىق ئۈندىمەك، زورلىماق:[مىسال:] كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا قىستىدى.[يەشمىسى:] ④ ئالدىراتماق:[مىسال:] سىز ئۇنى چاپسانراق توي قىلىشقا قىستايسىز، دېدى ۋۇشۇبىڭ ئايتىللاغا.⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خىجالەتچىلىكتە قويماق:[مىسال:] ئۇنداقتا، سىلىنى قىستاپ قويارمەنمىكىن، دېدى ھەمراھ خىجىل بولۇپ.⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۇرسەت، ئىمكانىيەت بەرمەي جىددىيلەشتۈرمەك:[مىسال:] ۋاقىتنىڭ قىستاپ كېلىشى ئۇنى ئالدىراتماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ⑦ شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن كەلگەن سۆزدىن كېيىن كېلىپ، شۇ سۆزدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىشكە كۈچلۈك تەلىپى، خاھىشى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كۈلكىسى قىستىماق. تەرىتى قىستىماق.

قىسچىلىق

  • قىسچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەمچىل، قىس ھالەت؛ كەملىك، قىسلىق:[مىسال:] سۇنىڭ قىسچىلىقىدا ئېرىقتىكى سۇ بىكارلا يەرگە كىرىپ كېتىۋاتىدۇ.

قىسىرەمدى

  • قىسىرەمدى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىسىر+ئەمدى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىسىر كالىنىڭ موزىيى.

قىسسە

  • قىسسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلغان بەدىئىي ئەسەر، پوۋېست. مەسىلەن، خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق پوۋېستىگە ئوخشاش.[يەشمىسى:] ② ۋەقە-ھادىسە، ئەپسانىلەر بايان قىلىنغان ئىپىك ئەسەر، رىۋايەت:[مىسال:] ئات قىسسىسى. * قىسسە شۇ يەرگە يەتكەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزات ھېكايىسىنى توختاتتى.

قىسسىخان

  • قىسسىخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] سورۇنلاردا قىسسە ئېيتقۇچى:[مىسال:] ئۆتۈلگەن بولسىمۇ نۇرغۇن زامانلار، ئونتۇماپتۇ بۇلارنى قىسسىخانلار.

قىسسىخانلىق

  • قىسسىخانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سورۇنلاردا قىسسە ئېيتىش ئىشى:[مىسال:] سايراشنى باشلىدى كەلگەنچە بۇلبۇل، كىرىشتى قىسسىخانلىققا يانا ئول.

قىسقا

  • قىسقا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۇزۇننىڭ ئەكسى، كالتە:[مىسال:] قىسقا چاپان. بويى قىسقا. قىسقا مۇساپە. ∥ ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا كەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۇزاق داۋام قىلمايدىغان، كۆپ ۋاقى_ مۇساپە. ∥ قىسقا كۈنلەر ئىچىدە ئۆتكەن ئىنتايىن شېرىن مىنۇتلارنى يادىغا ئالدى.[يەشمىسى:] ③ مەزمۇنى، دائىرىسى ئانچە كەڭ ئەمەس، ئىخچام، ئاددىي:[مىسال:] قىسقا خەۋەرلەر. * مەن كەچتە خەتنى ئوقۇپ چىقتىم. خەت قىسقا، لېكىن كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن يېزىلغانىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېتەرلىك، تولۇق ئەمەس، كوتا:[مىسال:] ھەي، «چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا» دېگەن تەمسىل دەل سەندەك خوتۇنلارغا قارىتىلغان ئىكەنغۇ

قىسقاچ

  • قىسقاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوغ، تۆمۈر قاتارلىقلارنى قىسىپ ئالىدىغان قايچىسىمان تۆمۈر ئەسۋاب.

قىسقارتما

  • قىسقارتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسلىي تېكىستنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسى، قىسقارتىلغان قىسمى:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ ئەسلىسى بىلەن قىسقارتمىسىنى ئۆزىنىڭ كۆرۈشىگە ئەۋەتىپ بەردىم.

قىسقارتماق

  • قىسقارتماق[يەشمىسى:] «قىسقارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىسقارتىلما

  • قىسقارتىلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسقارتىلغان، قىسقارتىلىدىغان:[مىسال:] قىسقارتىلما سۆز.

قىسقارتىلماق

  • قىسقارتىلماق[يەشمىسى:] «قىسقارتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تەجرىبە مەيدانىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىسقارتىلدى.

قىسقارماق

  • قىسقارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇزۇنلۇقى، بويى، ئارىلىقى كېمىيىپ كالتە، قىسقا ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] مەن سېنىڭ قېشىڭغا كېتىۋاتقانىدىم، خۇداغا شۈكۈر، يولۇم قىسقاردى.[يەشمىسى:] ② داۋام قىلىش ۋاقتى كېمەيمەك، ئازايماق:[مىسال:] بىزنىڭ سەپەر ۋاقتىمىز تۈن قىسقارغان تومۇز كۈنلىرىگە توغرا كەلدى.[يەشمىسى:] ③ دائىرىسى، ھەجمى تارايماق، ئىخچاملاشماق:[مىسال:] بۇ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا بىرقىسىم ئورگانلار قىسقىرايدۇ ياكى بىرلەشتۈرۈلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىرەر سانغا كەسىرسىز بۆلۈنمەك؛ شۇنداق سانغا بۆلۈنگەندىن كېيىن كىچىك سانلار بىلەن ئىپادىلەنمەك:[مىسال:] بۇ كەسىرنىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجى بەشكە قىسقىرايدۇ.

قىسقۇچ Ⅰ

  • قىسقۇچ Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى قىسىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەسۋاب:[مىسال:] قەغەز قىسقۇچ. دەپتەر قىسقۇچ. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسىش رولىنى ئوينايدىغان، قىسىدىغان ياكى شۇ خىل شەكىلدىكى:[مىسال:] قىسقۇچ تاختا. قىسقۇچ سىركۇل. قىسقۇچ قومۇش. قىسقۇچ ھالقا.

قىسقۇچⅡ

  • قىسقۇچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قىسقۇچپاقا قاتارلىق بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن بىرىنچى جۈپ پۇتى. شەكلى ئامبۇرغا ئوخشايدۇ، ئېچىلىپ-يېيىلىدۇ. ئادەتتە ئوزۇقلۇق تۇتۇش، ئۆزىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

قىسقۇچپاقا

  • قىسقۇچپاقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىسقۇچ+پاقا[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. پۈتۈن تېنىدە قاسىراقلىق قاپچۇقى بار، كۆزىنىڭ سېپى بار. توغرىسىغا ئۆمۈلەيدۇ. خىللىرى كۆپ.

قىسقۇزماق

  • قىسقۇزماق[يەشمىسى:] «قىسماقⅣ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىسقىچە

  • قىسقىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قىسقا، ئىخچام شەكىلگە كەلتۈرۈپ؛ قىسقارتىپ:[مىسال:] مەن بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بۇ ئايالغا قىسقىچە سۆزلەپ بەردىم. ∥ مەن ئەتىسىلا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە كاتالوگىنى تۈزدۈم.

قىسقىرىشچان

  • قىسقىرىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان قىسقىرايدىغان، قىسقىراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

قىسقىرىشچانلىق

  • قىسقىرىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىسقىرايدىغان ۋە قىسقىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] بەزى سۈنئىي تالا نىسبەتەن قىسقىرىشچانلىققا ئىگە.

قىسقىرىشماق

  • قىسقىرىشماق[يەشمىسى:] «قىسقارماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىسقىسى

  • قىسقىسى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] قىسقىچە قىلىپ، يىغىپ ئېيتقاندا، گەپنىڭ بولار يېرى:[مىسال:] ھاكىمنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، بىردەم ئۇ مەجلىس، بىردەم بۇ مەجلىس؛ قىسقىسى ئىش تولا.

قىسقىلىق

  • قىسقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىسقا ھالەت:[مىسال:] يولنىڭ قىسقىلىقى بىزگە پايدىلىق.

قىسقىيان

  • قىسقىيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىسقا+يان[[يەشمىسى:] يۈگەننىڭ ئېغىز دۇرۇقتىن ئات ئېڭىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بويلاپ تارتىلغان قىسمى.

قىسلىق

  • قىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىس ھالەت:[مىسال:] ئولتۇراق ئۆينىڭ قىسلىقى بىزنى بىزار قىلىۋاتىدۇ.Ⅸ机?تۈرى: اا، غەلىتە خىلدا:[مىسال:] جەننەتنىڭ چىرايى سەل ئۆڭۈپ ئاۋازىمۇ بىر قىسما ئۆزگىرىپ كەتتى.

قىسماقⅠ

  • قىسماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كەپتەر، قۇشقاچ قاتارلىقلارنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان، يېرىم ياي شەكلىدىكى بىر توم، بىر ئىنچىكە ياغاچتىن ياسالغان قۇرۇلما:[مىسال:] بەزىلەر پاختەكنى قىسماق قويۇپ تۇتىدۇ، بەزىلەر ئوقيا بىلەن ئاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② قول ۋە پۇتلارنى قىسىش ئارقىلىق قىينايدىغان بىر خىل جازا قورالى:[مىسال:] قىسماققا ئالماق. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھىيلە-مىكىر، تەدبىر:[مىسال:] بۇ يىراقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوغۇلنى بىزدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان قىسماق بولماي نېمە

قىسماققا ئالماق

  • قىسماققا ئالماق[يەشمىسى:] ① قولنى قىسماققا كىرگۈزۈپ قىينىماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىككى تەرەپتىن قورشىماق.

قىسماق قۇرماق

  • قىسماق قۇرماق[يەشمىسى:] باشقىلارنى دامىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر ۋە ھىيلە ئىشلەتمەك:[مىسال:] ئۇلار بىزگە تۇيدۇرماي قىسماق قۇرۇپتۇ.

قىسماقⅡ

  • قىسماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىشۇرۇلغان ئۇماچ، پولۇ، سۈت قاتارلىقلارنىڭ قازان گىرۋىكى ۋە تېگىدە قېتىپ قالغان قىسمى قاسىرماق:[مىسال:] ئاپام كاۋا بارىڭىدا ئەتىگەنلىك سۈتنىڭ قىسمىقىنى قىرىۋاتقانىدى.

قىسماقⅢ

  • قىسماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسىلغان، قىسىق:[مىسال:] ئۇنىڭ قىسماق كۆزلىرى ئۇيقۇ باسقاندەك، بىر يۇمۇلۇپ، بىر ئېچىلىپ قوياتتى.

قىسماقⅣ

  • قىسماقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچ ياكى ئېغىرلىق بىلەن سىقماق، يىغماق:[مىسال:] ئۇ كىشى ئېھتىرام بىلەن قوش قوللاپ قولۇمنى قىستى.[يەشمىسى:] ② قورشاپ ئىگىلىگەن ئورنىنى تارلاشتۇرماق، يىغماق:[مىسال:] ئىككى ياندىكى چېرىكلەر ئۇلارنى قىسىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ ئارىسىغا ئالماق:[مىسال:] ئىككى تاۋۇزنى بىر قولتۇققا قىسقىلى بولماس.  تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ تارايتماق، كىچىكلەتمەك، يۇمماق:[مىسال:] قوشناڭ قارىغۇ بولسا بىر كۆزۈڭنى قىس (ماقال).[يەشمىسى:]⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پايدىلىق ئىمكانىيەتتىن مەھرۇم قىلماق، قىينىماق:[مىسال:] سەن مېنى پۇلدىن قىسما[يەشمىسى:] ⑥ يىغىپ ياكى قىيسايتىپ مەلۇم ھالەتنى ئىپادىلىمەك (قۇيرۇق، بويۇن، مۈرە ھەققىدە):[مىسال:] مەن ھەيرانلىق ئىچىدە مۈرىلىرىمنى قىستىم، تۇرسۇن ئاكا سائىتىگە قارىدى.

قىسماقدىماق

  • قىسماقدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىسماققا ئالماق:[مىسال:] شاھ بەھرام ئەسەدنى قىسماقداپ ئازابلاپ قامچىلاپتۇ.

قىسما-قىسما

  • قىسما-قىسما[يەشمىسى:] خىلمۇخىل، ياڭزىمۇ ياڭزا، ھەرخىل:[مىسال:] تىندۇرۇۋەتكەن ئېھتىيات تومىسى ھەققىدە قىسما-قىسما گەپلەر بار، ئاڭلىسا ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك گەپ.

قىسمەت

  • قىسمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئالدىدىن بەلگىلەپ قويۇلغان، پېشانىگە پۈتۈلگەن كۆرگۈلۈك، تەقدىر:[مىسال:] سىلىگە بىر كىتاب ئېچىپ بېرەي، باشلىرىغا نېمە قىسمەت كېلىدۇ بىر ئاڭلاپ باقسىلا، قانداق[يەشمىسى:] ② كەچۈرمىش، سەرگۈزەشت:[مىسال:] ئۇ ماڭا: بېشىڭغا چۈشكەن ئېغىر قىسمەتلەرنى تەپسىلىي ھېكايە قىلىپ بەردى.

قىسمەتلىك

  • قىسمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسمەت بېشىغا چۈشكەن، قىسمەتكە ئىگە:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئوخشاش قىسمەتلىك ئادەملەر ئىدى.

قىسمەن

  • قىسمەن[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەلۇم دەرىجىدە؛ بىرقىسىم؛ بىرئاز:[مىسال:] زىيا ئاكامنىڭ پىكىرلىرى قىسمەن توغرا. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر پۈتۈنلۈكنىڭ مەلۇم ياكى ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان، جۈزئىي:[مىسال:] قىسمەن ھاۋا رايى. ∥ ئۇلارنىڭ قىسمەنلىرى يېزىنىڭ جاپاسىغا كۆنەلمەي قايتىپ كەلگەن كىشىلەر ئىدى.

قىسمەنلىك

  • قىسمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر پۈتۈنلۈكنىڭ ئانچە چوڭ، جىددىي، مۇھىم بولمىغان بۆلىكى ۋە مۇشۇنداق ئەھۋال، ھالەت؛ ئايرىملىق:[مىسال:] مەسىلىگە بىر تەرەپلىمە قاراش ياكى قىسمەنلىكنىلا كۆرۈپ ئومۇمىيەتنى كۆرمەسلىك توغرا ئەمەس. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] جۈزئىيلىك.

قىسىر

  • قىسىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] چىشى ھايۋانلارنىڭ بوغاز بولالماي قالغان چېغى.

قىسىشتۇرماق

  • قىسىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يىغىپ، قىسىپ قىسىق ھالەتكە كەلتۈرمەك ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى قىلماق:[مىسال:] دوختۇر لۇغەتنى ئېلىپ كۆزەينىكى تۆپىسىدىن كۆزلىرىنى قىسىشتۇرۇپ قارىدى.

قىسىشماق

  • قىسىشماق[يەشمىسى:] «قىسماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئالدىدا قول قىسىشار، ئارقىدىن تاش ئېتىشار (ماقال).

قىسىق

  • قىسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىسىلغان:[مىسال:] ئۇنىڭ بوينى قىسىق.[يەشمىسى:] ② كىچىكلىتىلگەن، قىسىلغان ھالەتتە سەل يۇمۇلغان:[مىسال:] ھازىر ئۇنىڭ كىرپىكسىز قىسىق كۆزلىرىدە ئوت يانماقتا ئىدى.

قىسىقلىق

  • قىسىقلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسىپ قويۇلغان، قىسىلغان:[مىسال:] زامانەمنىڭ قەلبى ئاتەش قىزىمەن، بەخت گۈلى قۇلىقىمغا قىسىقلىق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىسىلغان، قىسىق ھالەت:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزىنىڭ قىسىقلىقى ئەيىب ئەمەسقۇ ھەر نېمىدېگەنبىلەن قارىغۇ ئەمەستە

قىسىل

  • قىسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوغۇز، دەريا-دېڭىز، تاغ-جىلغىلارنىڭ تار يېرى.

قىسىلاچ

  • قىسىلاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىلسىلچاق.

قىسىلاڭغۇ

  • قىسىلاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «قىستاڭغۇ»غا قاراڭ.

قىسىلچاق

  • قىسىلچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يانلىرىدىن قىستالغان ئارىلىقتىكى كىچىككىنە بوش ئورۇن، يوچۇق:[مىسال:] ئۇ باشتىلا ئادىل كىرىپ كەتكەندىن كېيىن تولۇق يېپىلمىغان ئىشىكنىڭ قىسىلچىقىدىن مارىغانلىقىنى ئېيتىپ سالدى.[يەشمىسى:] ② ئەركىن ھەرىكەت قىلغىلى بولمايدىغان تار يەر:[مىسال:] مەن بىر قىسىلچاقتا قىسىلىپ قالغاندەك مىدىرلىيالماي تۇرۇپلا قالدىم.

قىسىلچاقلىق

  • قىسىلچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسىلچىقى بار، يوچۇقى، ئارىچى بار.

قىسىلدۇرماق

  • قىسىلدۇرماق[يەشمىسى:] «قىسىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھەي خۇدايا، ھالىمنى كۆرۈپ تۇرىسەن، بەندىنىڭ ئالدىدا قىسىلدۇرغۇچە، ئۆزۈڭلا يۈز تەڭگە بەرسەڭ

قىسىلماق

  • قىسىلماق[يەشمىسى:] ① «قىسماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ چاغدا بىردىن پەرىزاتنىڭ «ئىنكاس»لىرى ئېسىگە كېلىپ يۈرىكى قىسىلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② «قىسماقⅣ» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىلەر قىسىلىپ بېرىپ، بىر-بىرىنىڭ مۈرىسىدىن بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ قاراۋاتاتتى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ كەمچىللىكىدىن قىينالماق، شۇ نەرسىگە موھتاج بولماق، قىيىنچىلىق تارتماق:[مىسال:] قوزغىلاڭچىلار ئاشلىق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەردىن قىسىلىپ تۇراتتى. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خىجىل بولماق، ئۇيالماق:[مىسال:] ئۇ ھەممە ئاغىنىلىرىنىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پىيادە قالغىنىغا ھەدىسىدىن قىسىلىپ، بەك خىجالەت بولدى.

قىسىمⅠ

  • قىسىمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پۈتۈننىڭ تەركىبى، ئورگانىك بۆلىكى ياكى ئۈلۈشى:[مىسال:] پۇلنىڭ ئۇچتىن بىر قىسمى. كادىرلارنىڭ بىر قىسمى. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ماشىنا، مېخانىزم، ئىنشائات ۋە شۇ قاتارلىقلارنى تەشكىل قىلغان بۆلەكلەرنىڭ ھەر بىرى:[مىسال:] تراكتورنىڭ تورمۇز قىسىمى. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەسەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان ئالاھىدە بۆلىكى؛ بۆلۈم، باب:[مىسال:] ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت بولغان رومان. ئىككى قىسىملىق كىتاب.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيە، قوشۇن:[مىسال:] قىسىمغا كىرمەك. قىسىمغا قايتماق.[يەشمىسى:]⑤ [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيە ياكى قوراللىق كۈچلەر تەركىبىدىكى ئالاھىدە بۆلۈم، بۆلۈنمە ياكى بىرىكمە:[مىسال:] مىنامىيوتچىلار قىسمى. قىسىم كوماندىرى. ئاتلىق قىسىم.

قىسىمⅡ

  • قىسىمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.، [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زۇلۇم، سىقىق.

قىسىملىق

  • قىسىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىسىملارغا بۆلۈنگەن، بىرقانچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان:[مىسال:] كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى.

قىسىنچىلىق

  • قىسىنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن قىسىلغان، قىينالغان ھالەت، قىيىنچىلىق، موھتاجلىق:[مىسال:] كىشىدە مەردلىك بولسا، دېدى سادىر بىجىرلاپ، قىسىنچىلىق بولمايدۇ.

قىسىنماق

  • قىسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنى قىلىشقا پېتىنالماي تارتىنىپ، قورۇنۇپ تۇرماق، سىقىلماق:[مىسال:] ھەربىر يولۇچىدىن قىسىندىم، قورۇندۇم.[يەشمىسى:] ② ئۆز نەپسىدىن كېچىپ بىرەر نەرسىنى باشقىلارغا قالدۇرۇپ قويماق، تۈگۈنمەك:[مىسال:] قىزىم گۈلەندەمنىڭ مېنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدۇ، مەن بولمىسام، قىسىنىپ گېلىدىن بىر قوشۇق سۇمۇ ئۆتمەيدۇ.

قىسىي

  • قىسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېگىشلىك ئۈلۈشكە ئېرىشەلمىگەن، مەھرۇم قالغان.

قىش

  • قىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆت پەسىلنىڭ تۆتىنچىسى، كۈزدىن كېيىنكى، ئەتىيازنىڭ ئالدىدىكى پەسىل، يەنى سوغۇق مەزگىل. مىلادىيە بويىچە تەخمىنەن 7-نويابىردىن 21-يانۋارغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىش-زىمىستان

  • قىش-زىمىستان[يەشمىسى:] قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق ۋاقتى، قارا قىش.

قىشقى

  • قىشقى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «قىشلىق»قا قاراڭ.

قىش-قىرو

  • قىش-قىرو[يەشمىسى:] قىش ۋاقتى، سوغۇق ۋاقىت:[مىسال:] 80ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئادەم بۇ قىش-قىرودا تەنزە ئاچىمەن، پۇل تاپىمەن دەپ جېنىڭلارنى قىيناپ نېمە قىلسىلەر؟

قىشقىل

  • قىشقىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىسلاتا.

قىشلاتماق

  • قىشلاتماق[يەشمىسى:] «قىشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىشلاشماق

  • قىشلاشماق[يەشمىسى:] «قىشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىشلاق

  • قىشلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا-ماللار ۋە پادىچىلار قىشتا قىشلايدىغان جاي، قىشلىق يايلاق:[مىسال:] ئۇ دەريا بويىدىكى مالچىلارنىڭ قىشلاقلىرىغا باردى.

قىشلىق

  • قىشلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىشقا ماسلاشقان، قىش ئۈچۈن تەييارلانغان ياكى بەلگىلەنگەن، قىشتا ئىشلىتىلىدىغان ياكى ئىشلەيدىغان:[مىسال:] قىشلىق كىيىم. قىشلىق تەتىل. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىش داۋامىدا يېيىش-ئېچىش، ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان نەرسە:[مىسال:] يارىم ماڭا ناز قىلۇر، ئاچىل، دادەي، كۈلۈپ مېنى ماز قىلۇر، ساچىل. يار قەدرىنى بىلمەيسەن، ئاچىل، ئاچىل گۈل ساچىل، قىشلىقىڭنى ياز قىلۇر ئاچىل.

قىشلىقى

  • قىشلىقى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قىش پەسلىدە، قىشتا:[مىسال:] تۇنىيازئاكا يازلىقى يەر تېرىپ زىرائەت پەرۋىش قىلسا، قىشلىقى ئوغۇت يىغاتتى.

قىشلىماق

  • قىشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر جايدا قىشنى ئۆتكۈزمەك، قىشتا بىرەر جايدا تۇرۇپ قالماق:[مىسال:] قەشقەردىن چىققان بالىلار، لەنتەيزىدە ئىشلىدۇق. زالىملارنىڭ دەستىدىن، خاڭ تېگىدە قىشلىدۇق.

قىشۇياز

  • قىشۇياز[يەشمىسى:] قىش ۋە ياز، يىل بويى:[مىسال:] تۇنىياز ئاكا قىشۇياز شۇ ئوغلى بىلەن دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلاتتى.

قىشىچە

  • قىشىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قىش مەزگىلىدە، قىش داۋامىدا، قىش بويى:[مىسال:] ئەزالار قىشىچە قوتانلاردىن ئوغۇت توشۇدى.

قىش-ياز

  • قىش-ياز[يەشمىسى:] قىش ھەم ياز، يىل بويى:[مىسال:] ئۇ كۈل رەڭ يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن شىمىنى قىش-ياز ئۈستىدىن چۈشۈرمەي كىيىۋالىدىغان بولدى.

قىغ

  • قىغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ تېزەك، سۈيدۈكلىرى ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ چىرىشىدىن ھاسىل بولىدىغان يەرلىك ئوغۇت.

قىغچى

  • قىغچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىغ يىغىدىغان، توپلايدىغان كىشى.

قىغسىز

  • قىغسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوغۇتى يوق، قىغ تۆكۈلمىگەن:[مىسال:] قىغسىز يەر-پۇلسىز ئەر (ماقال).

قىغ-قات

  • قىغ-قات [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىغ ۋە قىغ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر.

قىغلاتماق

  • قىغلاتماق[يەشمىسى:] «قىغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايسىخان بىر مال سويۇپ كۈيئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئوسا قىلغان يەرلىرىنى قىغلىتىپتۇ.

قىغلاشماق

  • قىغلاشماق[يەشمىسى:] «قىغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىغلانماق

  • قىغلانماق[يەشمىسى:] «قىغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىغلىق

  • قىغلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىغى بار، قىغلانغان:[مىسال:] قىغلىق ئېتىز. قىغلىق يەر. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] قىغ دۆۋىلەنگەن، قىغ بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] گايىت بىلەن سەمەت بازاردىن چىقىپ قىغلىققا دۆۋىلىگەن يەرلىك ئوغۇتلىرىنى ئېتىز بېشىغا يۆتكەشكە تۇتۇش قىلدى.

قىغلىماق

  • قىغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىغ تۆكۈپ قۇۋۋەتلەندۈرمەك:[مىسال:] قىغلىساڭ تېرىلغۇ بولار (ماقال).

قىق

  • قىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم تامىقىنى چەككەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

قىقۇ-ماچۇ

  • قىقۇ-ماچۇ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئولاش-چولاش.

قىڭراق

  • قىڭراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆش، خېمىر قاتارلىقلارنى كېسىدىغان تىغى ئۇزۇن، كەڭ، بىرئاز ياي شەكلىدىكى پىچاق.

قىڭراق تۆش

  • قىڭراق تۆش[يەشمىسى:] بەك كەمبەغەل، يالاڭ تۆش.

قىڭغايتماق

  • قىڭغايتماق[يەشمىسى:] «قىڭغايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ چىنىلەرنى شىرەگە قويۇپ، قاپاقنى قىڭغايتىۋىدى، بولدۇقلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چىنىگە چاي قۇيۇلدى.

قىڭغايتىلماق

  • قىڭغايتىلماق[يەشمىسى:] «قىڭغايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىڭغايماق

  • قىڭغايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر تەرەپكە ئېگىلىپ، يانتۇلىشىپ تۇرماق، قىيسايماق:[مىسال:] تەختىراۋان قىڭغىيىپ ۋاڭ پەسكە دومىلاپ كەتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر تەرەپكە قىيسىيىپ يېنىچە ياتماق، سۇنايلانماق:[مىسال:] گۈزەلئاي جۇۋىنى بېشىغا قويۇپ قىڭغايدى-دە، بالىسىنى ئويلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.

قىڭغىر

  • قىڭغىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۈز سىزىق بويلاپ يۆنەلمىگەن، ئەگرى:[مىسال:] ئۇ قەدىمكى ياڭزىدا تىكىلگەن قىڭغىر ياقىلىق خەسە كۆڭلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۈگمىسىنىمۇ ئېچىۋەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② بىر تەرەپكە قىڭغايغان، قىيسايغان:[مىسال:] ئۇ ئۈستى يېكەن بىلەن يېپىلغان قىڭغىر ئۆيلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدايدىغان، ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىلگەن، ساختا:[مىسال:] قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر (ماقال). * قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق (ماقال). [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر ئەزاسى بىر تەرەپكە قىڭغايغان:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بىرى قىڭغىر، بىرى كور، بىرى كېكەچ، بىرى دوك، بىرى چولاق، بىرى كەمشۈك ئىكەن.

قىڭغىر دەسسىمەك

  • قىڭغىر دەسسىمەك[يەشمىسى:] يامان يولغا ماڭماق:[مىسال:] داداڭغا ئېيتىمەن، داداڭغا ئوقۇش پۈتكۈزمىگۈچە قىڭغىر دەسسىمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭغۇ

قىڭغىر-سىڭغىر

  • قىڭغىر-سىڭغىر[يەشمىسى:] ئۇ يان-بۇ يانغا قىڭغايغان، ئەگرى-بۈگرى:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ئىلتىماسىدىن، خەتلىرى قىڭغىر-سىڭغىر بولسىمۇ، قەلبىنى تەشكىلگە تاپشۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

قىڭغىر-قىيسىق

  • قىڭغىر-قىيسىق[يەشمىسى:] «قىڭغىر-سىڭغىر»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ خەتلىرى قىڭغىر-قىيسىق، تولىمۇ سەت ئىدى.

قىڭغىرلىق

  • قىڭغىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىڭغىر ھالەت:[مىسال:] بۇ خەتنىڭ قىڭغىرلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەر ھالدا چىرايلىق ئىدى.

قىڭغىر-مايماق

  • قىڭغىر-مايماق[يەشمىسى:] قىڭغىر-سىڭغىر:[مىسال:] بۇ يېزىنىڭ يوللىرى تولىمۇ قىڭغىر-مايماق ئىدى.

قىڭغىيىشماق

  • قىڭغىيىشماق[يەشمىسى:] «قىڭغايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىل

  • قىل [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەزى ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقى ياكى يالىسىدىكى تۈكى، چاچ، يۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر تېلى:[مىسال:] ئات قىلى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سايمان ۋە زاپچاسلارنىڭ قىلدەك ئىنچىكە سىمى:[مىسال:] لامپۇچكىنىڭ قىلى ئۈزۈلۈپ، يانماس بولۇپ قېلىپتۇ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى ئىنچىكە:[مىسال:] قىل قان تومۇر. قىل يوپۇرماقلىق دەرەخلەر.

قىل تەۋرىمەسلىك

  • قىل تەۋرىمەسلىك[يەشمىسى:] كىچىككىنە ئىش ياكى بىرەر ھەرىكەتمۇ يۈز بەرمەسلىك:[مىسال:] بۇ ئاللانىڭ تەقدىرى، ئاللادىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ، دېدى كېۋىرئاخۇن.

قىلدەك تولغانماق

  • قىلدەك تولغانماق[يەشمىسى:] ھەسرەت چەكمەك، ناھايىتى ئازابلانماق، ھەسرەت-نادامەت چەكمەك:[مىسال:] ئۇخلىيالمىدى قىز كېچە قىلدەك تولغىنىپ، «يارنى تاپسام ئاتسا تاڭلار، تۈنلەر قوغلىنىپ».

قىلدىن قىيسىق كەتسە

  • قىلدىن قىيسىق كەتسە[يەشمىسى:] «قىلدىن قىيىق كەتسە»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ شۇم بۆرىلەر قىلدىن قىيسىق كەتسە، جازاڭنى بېرىدۇ.

قىلدىن قىيىق كەتسە

  • قىلدىن قىيىق كەتسە[يەشمىسى:] كىچىككىنە چەتلىسە؛ كىچىككىنە خاتالىق سادىر بولسا:[مىسال:] بۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئىش، قىلدىن قىيىق كەتسە، تۈگىدىڭ دېگەن سۆز قىزىم.

قىل سىغماسلىق

  • قىل سىغماسلىق[يەشمىسى:] گۇمان قىلىشقا، شۈبھىلىنىشكە ئورۇن قالماسلىق، گەپ كەتمەسلىك:[مىسال:] دوستلۇقىمىزغا قىل سىغمىغاچقا، گەپ يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدىم. ئۆزىغۇ سىرىنى بىلدۈرمەسلىكنى دېگەنىدى، مەن ئۇنىمىدىم.

قىل قالماق

  • قىل قالماق[يەشمىسى:] بەزى يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن ھەرىكەتنامى ياكى رەۋىشداش سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ، بارلىققا كېلەلمىگەن ھەرىكەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوت كەتكىلى قىل قالماق. يىقىلىشقا قىل قالماق.

قىلنى پىل قىلماق

  • قىلنى پىل قىلماق[يەشمىسى:] كىچىككىنە نەرسىنى بەكمۇ يوغىناتماق، مۇبالىغە قىلماق:[مىسال:] بۇرۇن ئۇ، پەرىزاتنىڭ شۈك ياتمايدىغانلىقى، كىچىك ئىشنى چوڭايتىش، قىلنى پىل قىلىشتا ھېرىپ-چارچاشنى بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانىدى.

قىلنى قىرىق يارماق

  • قىلنى قىرىق يارماق[يەشمىسى:] ئەڭ نازۇك، ئىنچىكە يەرلىرىگىچە بىلمەك؛ يىپىدىن يىڭنىسىگىچە قويماي سۈرۈشتۈرۈپ، ئادىل ھەل قىلماق:[مىسال:] قاسىم دېگىنىڭ قىلنى قىرىق يېرىپ، قىرىقتىن بىرىنى يەنە قىرىققا يېرىپ قارلىق تاغنىڭ سۈيىنى قانداق ئەكېلىشنىڭ ھېسابىنى چىقىرىۋاتىدۇ.

قىل ئۆتكۈزمەسلىك

  • قىل ئۆتكۈزمەسلىك[يەشمىسى:] كىچىككىنىمۇ نەپ يەتكۈزمەسلىك، ھېچنېمە بەرمەسلىك:[مىسال:] ئۇ مەخسۇت بەگكىمۇ قىل ئۆتكۈزمەي يۈز بېشىلىقتىن ئايرىلىپ قالغان.

قىل ئۈستىدە

  • قىل ئۈستىدە[يەشمىسى:] جىددىي خەۋپ-خەتەر ئاستىدا، ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا:[مىسال:] قىل ئۈستىدە تۇرماق. قىل ئۈستىدە قالماق.

قىلات

  • قىلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاقلانغان پىچاق قاتارلىقلارنىڭ بىسىدىكى سۈيى يانغان ناھايىتى نېپىز قىسمى:[مىسال:] قىلاتىنى چىقارماق.

قىلتاجى

  • قىلتاجى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىل+تاج+ى[[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمدە ۋاڭلارنىڭ كىيىشى ئۈچۈن تەييارلانغان، ئەمەل-مەرتىۋىنى بىلدۈرىدىغان بىر خىل باش كىيىمى.

قىلتاق

  • قىلتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قىلدىن سىرتماقلىق قىلىپ ئىشلەنگەن بىر خىل قۇرۇلما:[مىسال:] لاچىننى قىلتاق بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ئالداش، قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ھىيلە-مىكىر، تۇزاق:[مىسال:] قىلتاققا چۈشمەك. قىلتاققا دەسسىمەك. * بۇ ھىيلىگەر ئادەملەرنىڭ بىخۇد كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان قىلتىقى.

قىلتاقچى

  • قىلتاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىلتاق قۇرۇپ قۇشلارنى تۇتقۇچى كىشى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ، ئالداپ كىشىلەرنى دامىغا، قىلتىقىغا چۈشۈرگۈچى:[مىسال:] -پەس قىلتاقچى، -دېدى رەيھان ناماننىڭ ئارقىسىدىن پىچىرلاپ.

قىلتاقچىلىق

  • قىلتاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ دامغا، قىلتاققا چۈشۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى:[مىسال:] ھەي قىلتاقچى، بىلەمسەن، سېنىڭ بۇ قىلتاقچىلىقىڭ قانچە ئائىلىنى خانىۋەيران قىلدى

قىلتاماق

  • قىلتاماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىل+تاماق[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، «قىزىلئۆڭگەچ راكى»مۇ دېيىلىدۇ.

قىلتىرىق

  • قىلتىرىق[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقلارنىڭ يىڭنىسىمان، ئىنچىكە، ئۇزۇن سۆڭىكى. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بۇغداي، ئارپا، شال قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر دېنىنىڭ پوستى ئۇچىدا ئۆسىدىغان يىڭنىسىمان نەرسە.

قىلتىرىقسىز

  • قىلتىرىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىلتىرىقى يوق، قىلتىرىقى بولمىغان:[مىسال:] قىلتىرىقسىز ئارپىخان.

قىلتىرىقلىق

  • قىلتىرىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىلتىرىقى بار، قىلتىرىقى بولغان:[مىسال:] قىلتىرىقلىق مېۋە.

قىلچاقⅠ

  • قىلچاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋاز قايچىسى بىلەن ھاڭگىتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ياغاچ كالتەك.

قىلچاقⅡ

  • قىلچاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوقۇسىنىڭ ئاستى ياغىچى بىلەن ئۈستى ياغىچىنى چېتىپ تۇرىدىغان ياغاچ.

قىلچاڭ

  • قىلچاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىرىك، قېتىپ كەتكەن، بىر نەرسە ئاسان يېپىشمايدىغان:[مىسال:] قىلچاڭ تېرە.

قىلچە

  • قىلچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كىچىككىنە، بىر ئاز، ئازراق:[مىسال:] ئەلىنىڭ بىزگە سادىق ئىكەنلىكىگە قىلچىمۇ گۇمان قىلمىدىم.

قىلچىق

  • قىلچىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① ئادەم ياكى ھايۋان تېنىدىكى ئۇزۇن، قاتتىق تۈكلەر. مەسىلەن، ئادەمنىڭ بۇرۇن تۈكى، قامىنىڭ تېرىسىدىكى ئىنچىكە تۈكلەر.[يەشمىسى:] ② رەخت، كىيىم قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە يېپىشىۋالىدىغان تۈك ۋە ئۇششاق قىل:[مىسال:] ھۈنەرۋەن ئۆيىمىزدە ئۇكام، دېدى ئايۇپ ئاكا گىلەمدىكى قىلچىقلارنى قول ئۇچى بىلەن تېرىپ تۇرۇپ.

قىلچىلىك

  • قىلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىچىككىنە، ئازغىنە:[مىسال:] بولسا ھوقۇقۇڭ قىلچىلىك، چاغلارسەن ئۆزۈڭنى پىلچىلىك.

قىلچىمۇ

  • قىلچىمۇ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كىچىككىنىمۇ؛ پەقەت، ھەرگىز (بولۇشسىز جۈملىلەر تەركىبىدە كېلىدۇ):[مىسال:] شوپۇر چىرايىنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمىدى.

قىلدۇرماق

  • قىلدۇرماق[يەشمىسى:] «قىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تويدىن كېيىن كەنجى باتۇر سەپىرىنى داۋام قىلدۇرۇپتۇ.

قىلدۇرۇشماق

  • قىلدۇرۇشماق[يەشمىسى:] «قىلدۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىلغان-ئەتكەن

  • قىلغان-ئەتكەن[يەشمىسى:] قىلغان ياخشى-يامان ئىش-ھەرىكەتلەر، قىلغۇلۇق:[مىسال:] ھەي، قىلغان-ئەتكەنلىرىمنى سۆزلەپ كەلسەم ئون كۈندىمۇ تۈگىمەيدۇ.

قىلغۇلۇق

  • قىلغۇلۇق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قىلماق» پېئىلىنىڭ «قىلىش لازىم، قىلىش كېرەك» دېگەن مەنىلەردىكى زۆرۈرىيەت مەيلىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ناۋادا داداڭ ئۈندەككە كەلمىسە، قانداق قىلغۇلۇق[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] قىلغان-ئەتكەن، ياخشى-يامان ئىش، ھەرىكەت:[مىسال:] ھەممە قىلغۇلۇقنى ئۆزۈڭلار قىلىپ يەنە نېمە دەيسىلەر

قىلقاش

  • قىلقاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىل+قاش[[يەشمىسى:] ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن قىلدەك پۇرژىنا شەكلىدە ياسالغان، ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن گۈل ئورنىتىلغان ئۆرە بۆككە قادايدىغان زىننەت بۇيۇمى.

قىلقۇرت

  • قىلقۇرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىل+قۇرت[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل يىپسىمان قۇرت. شەكلى ئاق يىپەك يىپقا ئوخشايدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 — 100 مىكرومېتىر. قىلقۇرت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قىلماق

  • قىلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش، پائالىيەت قاتارلىقلارنى ئورۇندىماق، بەجا كەلتۈرمەك، ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانماق:[مىسال:] ئوقۇتقۇچىلىق قىلماق. مېھنەت قىلماق. * موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۆتكۈزمەك، ئېلىپ بارماق:[مىسال:] بەزمە قىلماق. ئولتۇرۇش قىلماق. نامايىش قىلماق. نەزىر قىلماق. مۇسابىقە قىلماق. مۇنازىرە قىلماق.[يەشمىسى:] ③ تەييارلىماق، ھازىرلىماق:[مىسال:] كاۋاپ قىلماق. تاماق قىلماق. چاي قىلماق.[يەشمىسى:] ④ كۆرسەتمەك، ئىپادىلىمەك:[مىسال:] ئادەمگەرچىلىك قىلماق. مېھماندارچىلىق قىلماق. باتۇرلۇق قىلماق.[يەشمىسى:] ⑤ مەيدانغا كەلتۈرمەك، تۇغدۇرماق:[مىسال:] جاڭجال قىلماق. غوۋغا قىلماق. باسقۇنچىلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ⑥ قولغا كەلتۈرمەك، ئېرىشمەك:[مىسال:] پۇل قىلماق. كېلىن قىلماق. كۈيئوغۇل قىلماق.[يەشمىسى:] ⑦ مەلۇم ئورۇن، مەرتىۋە، خىزمەت قاتارلىقلارغا بەلگىلىمەك، ئېرىشتۈرمەك:[مىسال:] ۋەكىل قىلماق. كادىر قىلماق. نازىر قىلماق. * تەشكىل ئابدۇسالامنى قۇيمىچىلىق سېخىغا سېخ باشلىقى قىلدى.[يەشمىسى:] ⑧ مەلۇم ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] باي قىلماق. كەمبەغەل قىلماق. خاتىرجەم قىلماق.[يەشمىسى:] ⑨ باشقىلارغا مەلۇم بىر ۋاسىتە ئارقىلىق مۇئامىلە قىلماق:[مىسال:] مەسخىرە قىلماق. مازاق قىلماق. چاقچاق قىلماق.[يەشمىسى:] 01 مەلۇم بىر خىسلەت ۋە پەزىلەتكە ئىگە دەپ بىلمەك، تونۇماق:[مىسال:] يۈز خاتىرىسىنى قىلماق. ئىززىتىنى قىلماق. ئابرۇيىنى قىلماق.[يەشمىسى:] 11 «-دەك، -تەك» بىلەن كەلگەن بەزى سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ پەرەز ۋە مۆلچەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنى بىر قېتىببىلەن كېلىپ ئۇلار بىلدۈرگەن ئاۋاز ياكى ھالەتنىڭ سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر قىلغىلى تۇردى.[يەشمىسى:] 31 بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ ئۇنى ئانالىتىك شەكلىدە پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] خەۋەر قىلماق. غەم قىلماق. تەقسىم قىلماق. قوبۇل قىلماق. ھۇجۇم قىلماق.[يەشمىسى:] 41 ساناق سانلار بىلەن كېلىپ شۇ مىقدارغا يەتكۈزۈشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر قولۇمنى بەش قىلالمايۋاتسام يەنە نېمە ئىشنى پەيدا قىلىپ كەلدىڭىز[يەشمىسى:] 51 يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن كىشىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ياكى ئالماش بىلەن كېلىپ «زىيان سالماق، يامانلىق قىلماق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] كىشىگە قىلغان كىشىدە قالماس (ماقال). * ماڭا قىلدىم دەمسەن، ئۆزۈڭگە قىلىسەن (ماقال).[يەشمىسى:] 61 كىشى بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ئەزا ياكى مەلۇم بىر تەرەپنى بىلدۈرىدىغان شەخس قوشۇمچىلىرى ۋە چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەن ئىسىملار بىلەن كېلىپ «مەلۇم يۆنىلىشكە قاراتماق، ئۇدۇللىماق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يۈزىنى قىبلىگە قىلماق.

قىلغىلى قىلىق تاپالماسلىق

  • قىلغىلى قىلىق تاپالماسلىق[يەشمىسى:] خۇشاللىقتىن نېمە قىلارىنى بىلمەسلىك؛ ناھايىتى خۇشال بولۇش:[مىسال:] ھۆرنىسا قىلغىلى قىلىق تاپالماي، گەپنى ئەگىتىپ قىزىنى چېكىپ باقتى.

قىلمىش

  • قىلمىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىلىنغان ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت:[مىسال:] ئەي پەلەك نە قىلمىشىڭ سەندىن سائادەت كۆرمىدىم، باشىمە سالدىڭ بالالار، بىرمۇ راھەت كۆرمىدىم.[يەشمىسى:] ② يامان ئىش-ھەرىكەت، يامانلىق:[مىسال:] بۇنىڭغا نېمە ئامال لېكىن ئۇلار بىركۈنى قىلمىشلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ.

قىلمىش-ئەتمىش

  • قىلمىش-ئەتمىش[يەشمىسى:] قىلغان، باشتىن ئۆتكەن ياخشى-يامان ئىشلار:[مىسال:] بايا سىلەردىن سىيىت ھاجى دېگەننىڭ قىلمىش-ئەتمىشىنى ئاڭلاپ، يۈرىكىم مۇجۇلۇپلا كەتتى.

قىلمىشلىق

  • قىلمىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىلمىشى كۆپ، يامان قىلىق-ھەرىكەتلىك.

قىلىچ

  • قىلىچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] . خەنجەردىن چوڭراق بىر تىغلىق ئۇرۇش قورالى. ئۇنىڭ تىغى ئۇزۇن، بەزىلىرىنىڭ تىغى بىرئاز ئېگىلگەن بولىدۇ:[مىسال:] بېشىڭغا قىلىچ كەلسىمۇ توغرا سۆزلە.

قىلىچىدىن قان تامىدىغان

  • قىلىچىدىن قان تامىدىغان[يەشمىسى:] ناھايىتى زالىم، رەھىم-شەپقەتسىز:[مىسال:] خەلق ئۈستىگە چىقىۋالغان، قىلىچىدىن قان تامىدىغان گومىنداڭچىلار تىرىپىرەن بولۇپ قاچتى.

قىلىچلاشماق

  • قىلىچلاشماق[يەشمىسى:] «قىلىچلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەتىسى ئەمدىلا ئويغىنىپ تۇرۇشىمىزغا ئۇلار بېسىپ كېلىپ، بىز بىلەن قىلىچلىشىپ كەتتى.

قىلىچلانماق

  • قىلىچلانماق[يەشمىسى:] «قىلىچلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قۇتلۇق قىلىچلىنىپ ئاتتىن يىقىلدى.

قىلىچلىماق

  • قىلىچلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىلىچ بىلەن چاپماق:[مىسال:] بىزنىڭ يىگىتلەر دۈشمەن لەشكەرلىرىنى رەھىمسىز قىلىچلايتتى.

قىلىچۋاز

  • قىلىچۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىلىچ ئىشلىتىشكە ۋە قىلىچ بىلەن ئېلىشىشقا ماھىر كىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان بولسىمۇ يەنە قىلىچۋازلاردەك ھەرىكەت قىلالىدى.

قىلىچۋازلىق

  • قىلىچۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] چامباشچىلىقنىڭ قىلىچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشىقى. قىلىچ خىللىرى تار يۈزلۈك قىلىچ، كەڭ يۈزلۈك قىلىچ، قىسقا قىلىچ قاتارلىق ھەر خىل بولىدۇ. قىلىچ ئۇرۇشتا چېپىش، كېسىش، قايرىش، سانجىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② قىلىچ ئىشلىتىش ئارقىلىق قىلىنىدىغان جەڭ:[مىسال:] تاغ باغرىدا قىلىچۋازلىق باشلىنىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ قىلىچ ئىشلىتىش، خەنجەر ئۇرۇش ماھارىتى:[مىسال:] قىلىچۋازلىق قىلماق. * ئۇ قىلىچۋازلىقنى ياخشى كۆرەتتى.

قىلىشماق

  • قىلىشماق[يەشمىسى:] «قىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كىشىلەر بىنالارغا، بۆلۈملەرگە، جاھازلارغا قارىشىپ نېمىلەرنىدۇر پاراڭ قىلىشاتتى.

قىلىق

  • قىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ پائالىيەت، يۈرۈش-تۇرۇش، مۇئامىلە قاتارلىقلاردىكى ئۆزىگە خاس خۇلق-مىجەزى:[مىسال:] تۇرقى ئىنسان، قىلىقى ھايۋان (ماقال).[يەشمىسى:] ② تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئادەت:[مىسال:] دەۋرىمىزدە بۇ ئاجايىپ كەشپىياتتۇر يېڭىلىق، بىزلەردە بولغان ئەمەس بۇندىن بۇرۇن بۇنداق قىلىق.[يەشمىسى:] ③ قاملاشمىغان، غەيرىي، ئۆزگىچە ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] ئېتىزنى تاشلاپ بازارغا يورغىلاش دېھقاننىڭ قىلىقى ئەمەس.

قىلىق چىقارماق

  • قىلىق چىقارماق[يەشمىسى:] بۇرۇن يوق غەيرىي مىجەز-ئادەتلىرى پەيدا بولماق:[مىسال:] لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي يېڭى قىلىق چىقاردى.

قىلىقسىز

  • قىلىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قاملاشمىغان، سەت قىلىقلارنى قىلىدىغان، ھاياسىز:[مىسال:] قىلىقسىز بالا.[يەشمىسى:] ② بىمەنە، تېتىقسىز، لاۋزا:[مىسال:] نەدىكى قىلىقسىز ئىشلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنىمۇ ئوقۇش دېگىلى بولامدۇ

قىلىقسىزلىق

  • قىلىقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىلىقى سەتلىك، ھاياسىزلىق، بىمەنىلىك، لاۋزىلىق.

قىلىقلىق

  • قىلىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىلىقى بار، مەلۇم قىلىققا ئىگە:[مىسال:] يامان قىلىقلىق بالا.[يەشمىسى:] ② ياخشى قىلىققا ئادەتلەنگەن، خۇلقلۇق:[مىسال:] ئوغلۇڭ ئۆسسە ئۇلۇغلار بىلەن قوشنا بول، قىزىڭ ئۆسسە قىلىقلىقلار بىلەن قوشنا بول (ماقال).

قىلىنماق

  • قىلىنماق[يەشمىسى:] «قىلماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يەنە بىرنەرسە چالا قىلىنىپتۇ، دەپ ھاۋاخان يانچۇقىنى كولىغان پېتى بازارغا چىقىپ كەتتى.

قىلياش

  • قىلياش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىل+ياش[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىر خىل ئۆسۈملۈك.

قىليورغا

  • قىليورغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىل+يورغا[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. تېنى بوز رەڭدە، تۇمشۇقى ئىنچىكە ئۇزۇن، پۇتلىرى ئۇزۇن، بارماق ئارىسىدا پەنجە يوق، دائىم تېيىز سۇ بويلىرى، ئېتىز بويلىرىدا كىچىك بېلىق، قۇلۇلە، ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ، كۆچمەنچى قۇش ھېسابلىنىدۇ.

قىليىلان

  • قىليىلان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]قىل+يىلان[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇرت. يېتىلگىنى ئىنچىكە، ئۇزۇن، رەڭگى قوڭۇر، شەكلى سىمغا ئوخشايدۇ. بەزىلىرى ئاق كېلىدۇ. تېرىسى سىلىق، يان سىزىقلىرى بولمايدۇ. لىچىنكىسى چېكەتكە، تاشپاقا قاتارلىقلارنىڭ تېنىدە پارازىت ياشايدۇ. يېتىلگەندىن كېيىن تەن سىرتىغا چىقىپ، سۇدا ياشايدۇ.

قىم

  • قىم[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قىچىشىش، چېقىش، سانجىلىش ياكى باشقا ئۆزگىرىشلەر تەسىرىدە بەدەن ياكى ئىچكى ئەزالاردا پەيدا بولىدىغان سېزىم:[مىسال:] كۆڭلەكنىڭ يېڭى ئىچىدىن بىرنەرسە ماڭغاندەك بىلىندى ۋە «قىم» قىلىپ ئاغرىدى-دە، شۇ يەرنى بېسىپ مىجىدىم.

قىماپ

  • قىماپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارە، ئۇسۇل، ئامال:[مىسال:] ئۇ سېنى ھەر قىماپ بىلەن جايلاپ كېتىدۇ.

قىمار

  • قىمار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇتقانلار ئۇتتۇرغانلاردىن تىككەن پۇل ياكى بۇيۇمنى ئېلىش شەرتى بىلەن ئوينىلىدىغان ئوشۇق، قاتار قاتارلىق ئويۇن:[مىسال:] پۇل تىكىپ شاھمات-دامكا ئوينىغانلىق قىمار بولىدۇ.

قىمارخانا

  • قىمارخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قىمار ئوينايدىغان جاي، ئۆي:[مىسال:] ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ ئۆيى قىمارخانىغا ئايلىنىپ قالدى.

قىمارۋاز

  • قىمارۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] دائىم قىمار ئوينايدىغان، قىمارغا بېرىلگەن كىشى:[مىسال:] بەڭگى قەلەندەر، ئوغرى قىمارۋاز (ماقال).

قىمارۋازلىق

  • قىمارۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋاملىق قىمار ئويناش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىشى:[مىسال:] ئاقسۇدا سەنئەتنىڭ ئورنىنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، قىمارۋازلىق، رەمماللىق، داخانلىق ئىگىلىۋالغانىدى.

قىمدىماق

  • قىمدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىستۇرۇپ، باستۇرۇپ قويماق؛ ئىچىگە پۈكۈپ قويماق.

قىمشىتماق

  • قىمشىتماق[يەشمىسى:] «قىمشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىمشىماق

  • قىمشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «قىم-قىم» قىلماق:[مىسال:] پۇتۇمغا دورىنى سۈرتۈپ تېڭىۋەتكەندىن كېيىن قىمشىپ ئاغرىغىلى تۇردى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاۋۇماق، كۆپەيمەك؛ تولۇپ كەتمەك:[مىسال:] كىنوخانىنىڭ ئالدىدا ئادەم قىمشىپ كېتىپتۇ.

قىم-قىم

  • قىم-قىم[يەشمىسى:] ① «قىم» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قوللىرىم «قىم-قىم» قىلىپ ئاغرىپ كەتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، زىچ:[مىسال:] بازار بۈگۈن تازا قىزىپتۇ، ئادەم دېگەن قىم-قىم، زادىلا ئۆتكىلى بولمايدۇ.

قىممەت

  • قىممەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] تاۋاردا ئەكس ئەتكەن ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك. قىممەت مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىنسان ئەمگىكىدىن ئۆتمىگەن ھاۋا قاتارلىق نەرسىلەر كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولۇش ياكى قىممەتكە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن:[مىسال:] قوشۇمچە قىممەت. تاۋارنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى. ئىستېمال قىممىتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەييار ئىش، ئوبيېكت، مەھسۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلارغا سەرپ بولغان مەبلەغ، ئەمگەك ۋە ماتېرىياللارنىڭ پۇل بىلەن ئىپادىلىنىشى؛ سودا-سېتىقتىكى نەرخى؛ باھا:[مىسال:] ئەقلىي ئەمگەكنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىمەك. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشى ياكى نەرسىنىڭ تۇرمۇشتا تۇتقان ئورنى، ئەھمىيىتى، قەدرى؛ رولى:[مىسال:] ئۇ كلىنىكا تېببىي ئىلمىدە زور قىممەتكە ئىگە. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] سان بىلەن ئىپادىلەنگەن مىقدار ياكى ماتېماتىكىلىق ئىپادىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەربىر نەتىجە. مەسىلەن، a نىڭ ئالغان قىممىتى 01، bنىڭ ئالغان قىممىتى 8 بولغاندا، ئالگېبرالىق ئىپادە [SX(]ab[]2[SX)] نىڭ قىممىتى [SX(]01×8[]2[SX)]=04 بولىدۇ.⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باھاسى، نەرخى ئەسلىدىكىدىن يۇقىرى، ئەرزاننىڭ ئەكسى:[مىسال:] قىممەت باھا. قىممەت مال.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۇل ياكى ھېچ نەرسىگە سېتىۋالغىلى بولمايدىغان، باھاسى يوق، بىباھا؛ قەدىرلىك، ئەزىز:[مىسال:] بىلىم دۆلەتتىن قىممەت (ماقال). * ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.

قىممەتچى

  • قىممەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋاملىق قىممەت باھا قويىدىغان، قىممەت باھادا مال ساتىدىغان كىشى:[مىسال:] مۇسا دېگەن قىممەتچى، ئۇنىڭدىن مال ئالغىلى بولمايدۇ.

قىممەتچىلىك

  • قىممەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرخ-ھاۋا ئىنتايىن قىممەتلەشكەن پەيت ۋە شۇنداق ھالەت:[مىسال:] قىممەتچىلىك بولسا، ساتقۇچىدا ئىنساپ قالماس؛ ئەرزانچىلىق بولسا، ئالغۇچىدا ئىنساپ قالماس.

قىممەتداش

  • قىممەتداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] باشقا بىر تاۋارنىڭ قىممىتى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تاۋار. مەسىلەن، پۇل ئەنە شۇنداق ھەرخىل تاۋارلارنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر قىممەتداشتۇر.

قىممەتسىنمەك

  • قىممەتسىنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باھاسىنى يۇقىرى، قىممەت دەپ بىلمەك، قىممەت دەپ ھېسابلىماق.

قىممەتسىنىشمەك

  • قىممەتسىنىشمەك[يەشمىسى:] «قىممەتسىنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىممەتلەتمەك

  • قىممەتلەتمەك[يەشمىسى:] «قىممەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىممەتلەشتۈرمەك

  • قىممەتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «قىممەتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىممەتلەشتۈرۈشمەك

  • قىممەتلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «قىممەتلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىممەتلەشتۈرۈلمەك

  • قىممەتلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «قىممەتلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىممەتلەشمەك

  • قىممەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارا-بارا باھاسى، قىممىتى ئېشىپ، قىممەت بولۇپ قالماق:[مىسال:] كېلەر يىلى ئاشلىق تېخىمۇ قىممەتلىشىدۇ.

قىممەتلىك

  • قىممەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باھاسى يۇقىرى، قىممەت تۇرىدىغان:[مىسال:] ئاشپەز دەرھال بازارغا بېرىپ، ھەسەن بەدرىدىنگە قىممەتلىك كىيىم ئەكېلىپ كىيدۈرۈپتۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سېتىپ ئالغىلى بولمايدىغان، باھاسى يوق، بىباھا:[مىسال:] قىممەتلىك پۇرسەت. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، سۆيۈملۈك:[مىسال:] قىممەتلىك چولپان، بىز چوڭ بولدۇق، ھايات يولىنى تاللىشىمىز كېرەك. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەھمىيەتلىك، كۆپ پايدىلىق، ناھايىتى كېرەكلىك:[مىسال:] ئۇلار ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنى توپلىغان.

قىممەتلىمەك

  • قىممەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باھاسى، نەرخى ئاشماق، قىممەتلەشمەك:[مىسال:] بۇرۇنقىغا قارىغاندا گۆش قىممەتلىدى.

قىمىر

  • قىمىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىلىنەر-بىلىنىمەس قىلىنغان ھەرىكەت، مىدىر:[مىسال:] قىمىر قىلماق.

قىمىر-چىمىر

  • قىمىر-چىمىر[يەشمىسى:] قىمىر ۋە چىمىر:[مىسال:] كۆڭلىكىمنىڭ ئىچىگە بىرنەرسە كىرىۋالدىمۇ بىلمەيمەن، ئۇ يەر-بۇ يېرىم قىمىر-چىمىر قىلغىلى تۇردى.

قىمىر-سىدىر

  • قىمىر-سىدىر[يەشمىسى:] ناھايىتى ئاستا، بىلىندۈرمەي قىلىنغان ھەرىكەت:[مىسال:] قىمىر-سىدىر قىلماسلىق.

قىمىر-قىمىر

  • قىمىر-قىمىر[يەشمىسى:] «قىمىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قىمىر-قىمىر قىلماق.

قىمىرلاتماق

  • قىمىرلاتماق[يەشمىسى:] «قىمىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالا پۇتىنى قىمىرلىتالماي ئاغرىق ئازابىدىن چىرقىرايدۇ.

قىمىرلاشماق

  • قىمىرلاشماق[يەشمىسى:] «قىمىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مۇقامنىڭ مەشرىپى باشلىنىش بىلەن يىگىتلەر قىمىرلىشىپ قالدى.

قىمىرلىماق

  • قىمىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاستا-ئاستا ھەرىكەت قىلماق، مىدىرلىماق، تەۋرەنمەك:[مىسال:] ھاكىمنىڭ چىرايى تۇتۇلدى، ئېڭەك گۆشلىرى سەل-پەل قىمىرلاپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② جايىدىن قوزغالماق، سىلجىماق:[مىسال:] بەختىخان ئازراق كۈتۈپ باققان بولسىمۇ، ئوغلى ئالىم ئولتۇرغان جايىدىن قىمىرلاپمۇ قويمىدى.

قىمىز

  • قىمىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات ياكى تۆگە سۈتىنى ئېچىتىپ ئىشلەنگەن بىر خىل ئىچىملىك. ئازراق كەيپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

قىمىزخانا

  • قىمىزخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىمىز ساتىدىغان ۋە ئىچىلىدىغان ئۆي.

قىمىلداتماق

  • قىمىلداتماق[يەشمىسى:] «قىمىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يېنىدا ياڭراۋاتقان «خوشە-خوشە» لەر ئۇنىڭ گېلىنى قىمىلدىتىشقا باشلىدى.

قىمىلداشماق

  • قىمىلداشماق[يەشمىسى:] «قىمىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىمىلدىماق

  • قىمىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «قىم-قىم» قىلماق، لۆمىلدىمەك:[مىسال:] شۇ چاغدا ئۇچىلىرىم قىچىشىپ قىمىلداپ كەتكەنىدى.

قىن

  • قىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىلىچ، خەنجەر، پىچاق قاتارلىقلارنى سېلىپ قويىدىغان غىلاپ:[مىسال:] قىلىچ قىنىدا ياتسا دات باسمايدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② دەريا ئېقىمىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئارىسىدىكى سۇ ئاقىدىغان قىسمى:[مىسال:] دەريانىڭ ئاقىدىغان قىنى بولغىنىدەك، دۇنيانىڭمۇ ئىلگىرىلەش يولى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ سىرتىدىن ئوراپ تۇرغان پەردە، قاپ:[مىسال:] يۈرىكىم قىنىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قاپتۇ. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچ، قويۇن، باغىر:[مىسال:] ھۆكۈمەتنىڭ قىنىغا كىرىۋېلىپ، بىزگە ھەمنەپەس بولۇۋاتقان كادىر شۇ جالالىدىنلا ئەمەس، يەنە بىر-ئىككىسى بار.

قىنىغا پاتماي قالماق

  • قىنىغا پاتماي قالماق[يەشمىسى:] «قىنىغا پاتماي كەتمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] كەپتۇ ئاخىر بەشىنچى بالبۇلاقنىڭ يېنىغا. كۆرۈپ ئاقۇچ گۈلنى ئۇ، پاتماي قاپتۇ قىنىغا.

قىنىغا پاتماي كەتمەك

  • قىنىغا پاتماي كەتمەك[يەشمىسى:] ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالماق، ھەددىدىن ئاشماق:[مىسال:] ئۇ كەلسە، بالىلار خۇشاللىقىدىن قىنىغا پاتماي كېتىدۇ ئەمەسمۇ

قىناق

  • قىناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىناشتىن ھاسىل بولغان ئىز، يول:[مىسال:] ئۆشرىچى چارەكنىڭ تېشىنى ئۇنىڭ ياغىچىنىڭ ئاخىرقى قىنىقىغا قويدى.

قىناققا كەلمەك

  • قىناققا كەلمەك[يەشمىسى:] نېمە قىلىش، قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتى توختالماق؛ بىر پىكىرگە كەلمەك:[مىسال:] سەن چەت ياقىلاپ يۈرۈۋەرگىنىڭ بىلەن بەرىبىر بىر قىناققا كېلىسەن، يا ئوڭغا، يا تەتۈرىسىگە ئاقىسەن.

قىنلىق

  • قىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىنى بار، قىن ياسالغان، قىن چىقىرىلغان:[مىسال:] ئۇنىڭ بېلىگە كۈمۈش قىنلىق، تۇچ ساپلىق خەنجەر ئېسىلغانىدى.

قىنىماق

  • قىنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن ئويۇپ، كېسىپ، جىجاپ ئىز، يول چىقارماق:[مىسال:] تاياقنى قىناپ بەلگە سالماق.[يەشمىسى:] ② قىنىغا، ئىزغا چۈشۈرمەك:[مىسال:] ئوتنى پۈۋلىسە تۇتىشىدۇ، سۇنى قىنىسا ماڭىدۇ (ماقال).

قىھ

  • قىھ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تامىقىنى چەككەندە ياكى قىرغاندا ياكى تامىقىنى قىرىپ كۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

قىيا

  • قىيا [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاغ، ئېدىرلاردىكى تىك يار:[مىسال:] ئۇلار ساينىڭ ئاغزىدىكى قىياغا ئۆمىلەپ چىقتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىرلىق، تىك ۋە چوڭ:[مىسال:] قىياتاش. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرئاز بۇرۇلۇپ، يېنىچە؛ كۆز قىرى بىلەن؛ يانتۇ، قىيسىق:[مىسال:] بولمايدۇ، سادىق، دېدى مۇزەپپەر ئۇنىڭغا قىيا قاراپ قويۇپ. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يېرىم-يارتا، بىرئاز:[مىسال:] ئۇدۇلدىكى يوغان نەقىشلىك ئىشىك قىيا ئوچۇق تۇراتتى.

قىيا كۆزىنى سالماسلىق

  • قىيا كۆزىنى سالماسلىق[يەشمىسى:] قاراپمۇ قويماسلىق:[مىسال:] تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ھېچكىم قىيا كۆزىنى سالمايدىغان شىۋاق باسقان بىر چۆل بولۇپ قالمىسۇن.

قىياپەت

  • قىياپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سىرتقى كۆرۈنۈش، تۈس:[مىسال:] زوق بىلەن يايراپ، سېنى قىلدىم زىيارەت قاغىلىق، گۈللىنىپ، ئاپسەن يېڭىچە بىر قىياپەت قاغىلىق.[يەشمىسى:] ② يۈز، چىراي؛ سىياق، كۆرۈنۈش:[مىسال:] ئۆڭۈپ، يىرتىلىپ كەتكەن كىيىم-كېچەكلىرى ئۇنىڭ ھازىرقى قىياپىتىنى تېخىمۇ سەت كۆرسىتەتتى.[يەشمىسى:] ③ سۈپەت ۋە سۈپەتداشلاردىن كېيىن ئورۇن كېلىشتە كېلىپ «ئەھۋال، ھالەت، تەرىز» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] يۈرسىلە بېگىم بىللە بارايلى، دېدى موللازەيدىن جىددىي قىياپەتتە.

قىياپەتشۇناس

  • قىياپەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ قىياپىتى ۋە سۆز-ھەرىكىتىگە قاراپ ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم قىلغۇچى:[مىسال:] تېببىي خادىملار ئىنسانشۇناس، قىياپەتشۇناس ۋە پسىخولوگ بولۇشلىرى لازىم.

قىياپەتشۇناسلىق

  • قىياپەتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ تۇرقى، سۆز-ھەرىكىتى قاتارلىق قىياپەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ پسىخىكىلىق ھالىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم.

قىياپەتلىك

  • قىياپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر قىياپەت، كۆرۈنۈشتىكى؛ بىرەر قىياپەت، كۆرۈنۈشكە كىرىۋالغان:[مىسال:] ل. مۇتەللىپ بۇ كىشىنى يوشۇرۇن قىياپەتلىك كىشى بولسا كېرەك دەپ گۇمان قىلغانىدى.

قىيا-چىيا

  • قىيا-چىيا[يەشمىسى:] ئېگىز-پەس، قاتتىق توۋلىغان، قالايمىقان ۋارقىرىغان ئاۋازلار، ۋاراڭ-چۇرۇڭ:[مىسال:] نېمە ئۈچۈندۇر بۇ ئۆيلەردىن قىيا-چىيا ۋارقىراشقان ئاۋازلار ئاڭلانمىدى.

قىياس

  • قىياس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدىن بىلىنگەن ئەھۋالغا ئاساسەن مەلۇم بولمىغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش؛ مۆلچەر، پەرەز:[مىسال:] ئۇكىلىرىممۇ، بۇ كىشىمۇ مېنىڭ بۇ قىياسلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاشتى. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوخشاش، تەڭ:[مىسال:] گۈل سۈپىتى ئادەتتە، تەقلىد ئەڭ ئېسىل تۈرگە، يارىڭ گۈلگە ئوخشايدۇ، ياشلىقمۇ قىياس گۈلگە. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] كۆز ئالدىدا بولمىغان شەيئىلەرگە نىسبەتەن، ئويلاپ چىقىرىلغان تەسىرات، تەسەۋۋۇر:[مىسال:] قىياس قىلماق.

قىياسەن

  • قىياسەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىياسىي رەۋىشتە، قىياس بىلەن، قىياسقا ئاساسلىنىپ، قىياس بويىچە:[مىسال:] سەمەت قەمەرنىسانى قىياسەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، بىرنەچچە قېتىم خۇشال ئىسقىرتىپ قويدى.

قىياسلىماق

  • قىياسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قىياس قىلماق، مۆلچەرلىمەك، تەسەۋۋۇر قىلماق. [يەشمىسى:] ② ئوخشاتماق.

قىياسىي

  • قىياسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىياسقا ئاساسلانغان، پەرەز قىلىنغان:[مىسال:] بۇ ئۆزگىرىشلەر ساددا، قىياسىي ۋە سۇبيېكتىپ-خىيالىي ئۆزگىرىشلەردۇر.

قىياقⅠ

  • قىياقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىياق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆپىنچە نەم ئورۇنلاردا، سۇ بويلىرىدىكى قۇمساڭ جايلاردا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى لېنتا شەكىللىك، پارقىراق. باشىقى قوڭۇر. يەر ئاستى تۈگۈنەك يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەيزنى تەڭشەش رولىغا ئىگە.

قىياقⅡ

  • قىياقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىيا، قىيپاش.

قىياقلىق

  • قىياقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىياق كۆپ ئۆسكەن، قىياق بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] ئۇ ئۆستەڭنىڭ يۇقىرىسىدىكى قىياقلىقتا قوي بېقىۋاتاتتى.

قىياق-ئېجرىق

  • قىياق-ئېجرىق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ، تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر.

قىيالىق

  • قىيالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىيالار بار جاي، قىيا:[مىسال:] مۇشۇ قىيالىقنىڭ جەنۇبىدىن شاۋقۇنلۇق مۇزات دەرياسى ئۆتىدۇ.

قىيامⅠ

  • قىيامⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① شېكەر، شىرنىلەر ئېرىتمىسىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغان قويۇق شەربەت. [يەشمىسى:] ② مۇراببا:[مىسال:] ئالما قىيامى. ئەنجۈر قىيامى. قىيام بولماق. قىيامىغا كەلمەك.

قىيامⅡ

  • قىيامⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆرە تۇرۇش، تىك تۇرۇش:[مىسال:] قىيامدا تۇرماق.[يەشمىسى:] ② كۈن تىكلەنگەن چاغ، چۈش:[مىسال:] سۇنبۇلە ئېيىنىڭ باشلىرى، قىيامدىن ئېگىلگەن ئوچۇق كۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈستىدە يالتىرايتتى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش، پائالىيەت قاتارلىقلاردا تەلەپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجە، چەك.

قىيامەت

  • قىيامەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي ئېتقاد بويىچە بۇ دۇنيا تۈگەپ، ئۇ دۇنيادا ھەممە تىرىلىپ ھېساب بېرىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا توپلىنىدىغان ۋاقىت؛ ئاخىرەت:[مىسال:] خەير، ئاللا ئۇ بالىمىزغا قىيامەت كۈنى ئالىي مەرتىۋە بېرەر. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىيا-چىيا، يىغا-زارغا تولغان، ئۇر-چاپ:[مىسال:] بۇ قالايمىقانچىلىقلار سارسۈمبىنى قىيامەت قاينىمىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ ئىنتايىن جىددىيلىك، بەك ئالدىراشلىق:[مىسال:] كىشى كۆپ تىقما-تىقماق بىر ئالامەت، تۆشۈكدەرۋازىدا بولغان قىيامەت.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغان مۈشكۈل، قىيىن ئىش:[مىسال:] توشۇپ قالدى ھايالسىز كۈتكەن سائەت، بۆسۈپ كىرمەك سېپىلگە بىر قىيامەت.

قىيامەت قايىم بولماق

  • قىيامەت قايىم بولماق[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] جىمى ئۆلگەنلەر تىرىلىپ، بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرىدىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا يىغىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمەك. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇرۇش-جېدەل بىلەن غوۋغا كۆتۈرۈلمەك، مالىمان بولماق:[مىسال:] ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، دارىلفۇنۇن، دارىلمۇئەللىمىننىڭ زىيالىيلىرى قاچقىنى قېچىپ، تۇتۇلغىنى تۇتۇلۇپ، شەھەر ئىچىدە قىيامەت قايىم بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

قىيامەتگاھ

  • قىيامەتگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئەڭ ئاخىرى ھېساب بېرىدىغان جاي.

قىيامەتلىك

  • قىيامەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا كېچەلمەيدىغان، ئۆمۈرلۈك، مەڭگۈلۈك:[مىسال:] قىيامەتلىك دوست. قىيامەتلىك قەرز.

قىيان

  • قىيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] قاتتىق ياغقان يامغۇر ياكى قار سۇلىرىنىڭ توپلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان كۈچلۈك لاتقا ئارىلاش سۇ ئېقىمى.

قىيان-تاشقىن

  • قىيان-تاشقىن[يەشمىسى:] قىيان ۋە تاشقىن:[مىسال:] ۋە لېكىن باھارنىڭ قىيان-تاشقىنى، كەلمىگەن ئۇنىڭغا بىر قېتىممۇ دۇچ.

قىيانلىق

  • قىيانلىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىيانى بار، قىيان ئاقىدىغان:[مىسال:] ئادەملەرنىڭ ھاياتى قىيانلىق دەرياغا ئوخشايدىكەن.[يەشمىسى:] ② قىياننى باشلىۋېتىدىغان، مەخسۇس قىياننى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن جاي، جىرا، ساي:[مىسال:] سۇنى قىيانلىققا باشلىماق.

قىيپاش

  • قىيپاش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۈز ئەمەس، قىڭغىر، يانتۇ:[مىسال:] كەڭ دالىدا ئەتىگەن-ئاخشاملىرى ھەرىدەك چاقىدىغان غەربىي جەنۇب قىيپاش شامىلى ۋىژىلدايتتى.

قىيپاشلاتماق

  • قىيپاشلاتماق[يەشمىسى:] «قىيپاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىيپاشلانماق

  • قىيپاشلانماق[يەشمىسى:] ① «قىيپاشلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەمدۇللا بايۋەچچە ئات ئۈستىدە قىيپاشلىنىپ ھامىدىن غوجىغا قارىدى.[يەشمىسى:] ② «قىيپاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىيپاشلىق

  • قىيپاشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يانتۇلۇق، قىيپاش ھالەت:[مىسال:] ئەمدى يەنە بىر مۇھىم ئىش، ئۆتكەمە بىلەن غەلۋىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش قىيپاشلىقى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بىرئاز تەسرەك.

قىيپاشلىماق

  • قىيپاشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىيپاش ھالەتكە كەلمەك، يانتۇ بولماق، بىر يانغا قىڭغايماق.

قىي-چۇۋ

  • قىي-چۇۋ[يەشمىسى:] تەرتىپسىز، ۋارقىرىغان قاتتىق ئاۋازلار:[مىسال:] ئەتراپتىن قىي-چۇۋ چىقىپ كەتتى.

قىيدامچى

  • قىيدامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەرەخ شاخلىرىنى كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پالتا شەكىللىك كەكە.

قىيدۇرماق

  • قىيدۇرماق[يەشمىسى:] «قىيماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىيسايتماق

  • قىيسايتماق[يەشمىسى:] «قىيسايماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەنسۇر ئاغزىنى قىيسايتىپ، سەلىمىگە يېقىنلاشتى.

قىيسايتىلماق

  • قىيسايتىلماق[يەشمىسى:] «قىيسايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىيسايماق

  • قىيسايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يانتۇلاشماق، قىڭغايماق:[مىسال:] ئۇ قىيسىيىپ قالغان كۆچەتلەرنى تىكلەپ، توپا يۆلىۋاتاتتى. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر تەرەپكە قىڭغىيىپ ياتماق:[مىسال:] بوۋاي كاۋا بارىڭى ئاستىدا قىيسىيىپ ئۇخلاپ قېلىپ چۈش كۆرۈپتۇ.

قىيسىق

  • قىيسىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تىك ئەمەس، بىر تەرەپكە قىيسايغان، يانتۇ:[مىسال:] قىيسىق تام.[يەشمىسى:] ② ئەگرى، قىڭغىر:[مىسال:] سەمەت قىڭغىر، قىيسىق ھەرپلەر بىلەن چوڭ خەتلىك گېزىتنى يېزىپ چىقتى. ∥ قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار (ماقال). [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناتوغرا، بولمىغۇر:[مىسال:] قىيسىق خىيال بىلەن ئۆزىنى ھالاكەتكە سۆرەپ ماڭغۇچى ئەي قىڭغىر كۆڭۈل مەخلۇق شۇنى بىلگىنكى، تەۋەككۈلچىلىك ۋە قاراملىق سېنى ھەرقاچان ئۆلۈم غارىغا تاشلايدۇ.

قىيسىيىشماق

  • قىيسىيىشماق[يەشمىسى:] «قىيسايماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىيغاتماق

  • قىيغاتماق[قۇرۇلمىسى:]]قىيىق+ئاتماق[[يەشمىسى:] ① ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ ئوينىماق، ئويناقلىماق؛ شوخلۇق قىلماق:[مىسال:] باغ ئىچىدە 12 ياشلاردىكى بىر بالا بىلەن بىر قىز قىيغىتىپ ئويناپ يۈرگەنىكەن.[يەشمىسى:] ② سىيپاپ، ئۇچۇرۇپ ئۆتمەك:[مىسال:] قانچىلىك چىرايلىق ئانا تەبىئەت، ماھىر قول كەشتىسى گويا يەر-جاھان. قىيغىتار باھارنىڭ ئەركە شامىلى، زۇمرەتتەك ۋادىدا گۈزەللىك خاقان.

قىيغاچ

  • قىيغاچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرئاز قىسىلغان:[مىسال:] قىيغاچ كۆز.[يەشمىسى:] ② بىرئاز ئېگىلگەن:[مىسال:] ئالىيە قارا قىيغاچ قاشلىرىنى ھىمىرىپ كوچا تەرەپكە قارىدى.

قىيغاقچا

  • قىيغاقچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىيىقچە قىيىدىغان ئەسۋاب.

قىيغىتىشماق

  • قىيغىتىشماق[يەشمىسى:] «قىيغاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئارىدىن ئون مىنۇتمۇ ئۆتمەي، ئىككى كالا قوتاندىن يۈگۈرۈشۈپ، قىيغىتىشىپ چىقتى.

قىيقاس

  • قىيقاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋارقىراش، شاۋقۇن-سۈرەن:[مىسال:] مەيدان جەڭچىلەرنىڭ قىيقاس، چۇقانلىرى بىلەن جانلىنىپ جۇشقۇنلاندى.

قىيقاس-چۇقان

  • قىيقاس-چۇقان[يەشمىسى:] قىيقاس ۋە چۇقان:[مىسال:] قاۋانلىقتا بۈگۈن كېچە ياشلارنىڭ قىيقاس-چۇقانلىرى توختىمىدى.

قىيقاس-سۈرەن

  • قىيقاس-سۈرەن[يەشمىسى:] «قىيقاس-چۇقان»غا قاراڭ:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن قىيقاس-سۈرەن، چاقچاق ۋە ناخشىلار كۈندۈزدىكىدەك يېڭىۋاشتىن يەنە قىزىپ كەتتى.

قىيقىتمەك

  • قىيقىتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاچچىقلانماق.

قىيما

  • قىيما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇششاق توغرالغان گۆش ياكى شۇنداق گۆش بىلەن پىياز ۋە باشقا كۆكتاتلارنىڭ ئارىلاشمىسى:[مىسال:] چۆچۈرىنىڭ قىيمىسى. مانتىنىڭ قىيمىسى. قىيما قىلماق.

قىيما-چىيما

  • قىيما-چىيما[يەشمىسى:] پارچە-پارچە، بۇردا-بۇردا، تىلىم-تىلىم:[مىسال:] قىيما-چىيما بولماق. قىيما-چىيما قىلماق.

قىيماسلىق

  • قىيماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭلى قويماسلىق، ئۇنىماسلىق، چىدىماسلىق.

قىيما-قىيما

  • قىيما-قىيما[يەشمىسى:] «قىيما-چىيما»غا قاراڭ:[مىسال:] قىيما-قىيما قىلماق.

قىيماق

  • قىيماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قايچا، پىچاق قاتارلىقلار بىلەن كېسىپ پارچىلىماق، قىرقىماق:[مىسال:] قەغەزنى قىيماق.[يەشمىسى:] ② كېسىپ جاراھەتلەندۈرمەك:[مىسال:] ئامانقۇل ئايقىزنىڭ ئارغامچا قىيىۋەتكەن نازۇك بىلەكلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئايرىلىشقا، تاشلاپ كېتىشكە كۆڭلى ئۇنىماق، چىدىماق:[مىسال:] ئۆلۈمگە رازى دەپ تۇرۇۋالماڭ، ئۆلۈم دېگەن بىر بالىڭىزدىن قانداق قىيالايسىز

قىيمىلاتماق

  • قىيمىلاتماق[يەشمىسى:] «قىيمىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەسكەرلەر شاھزادە قەمەروززاماننىڭ پارە-پارە بولۇپ كەتكەن، قانغا بويالغان كىيىملىرى بىلەن قىيمىلانغان گۆش، قان ئىزلىرىنى كۆرۈپتۇ.

قىيمىلىق

  • قىيمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىيمىسى بار، قىيما ئارىلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] قىيمىلىق يۇتازا.

قىيمىلىماق

  • قىيمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىيما ھالەتكە كەلتۈرمەك، قىيما قىلماق:[مىسال:] گۆشنى قىيمىلىماق.

قىيناتماق

  • قىيناتماق[يەشمىسى:] «قىينىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

قىيناشماق

  • قىيناشماق[يەشمىسى:] «قىينىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىينىشىپ شائىرنى شۇ كۈن، دۈگىلىتىپ دەسسەپ، تېپىپ، ساپتۇ زۇلۇم، قىلىپتۇ سوراق بېشىغا مىخ قېقىپ.

قىيناق

  • قىيناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىسمانىي ياكى روھىي ئازاب، قىيىن-قىستاق:[مىسال:] ئەتىسىدىن باشلاپ ساناق باشلاندى، خەلق تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ ساناق ئەمەس، جاننى ئېلىپ ياندا قويىدىغان قىيناق ئىدى.

قىيناقخانا

  • قىيناقخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەھبۇس، ئەسىر، تۇتقۇن قاتارلىقلارنى قىينايدىغان، قىيىن-قىستاققا ئالىدىغان ئۆي.

قىينالماق

  • قىينالماق[يەشمىسى:] ① «قىينىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىم دۈشمەنلەر تەرىپىدىن قاتتىق قىينالدى.[يەشمىسى:] ② «قىينىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كېسەل قىينىلىپ نەپەس ئالاتتى.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم بىر جەھەتتىن قىسىلماق؛ موھتاجلىق، قىيىنچىلىق ھېس قىلماق:[مىسال:] ئاڭلىسام ئاسىيەنىڭ ئۇنى شاڭخەيگە ئاپىرىپ داۋالاتقۇسى بار ئىكەن. بىراق ئىقتىسادتىن قىينىلىۋېتىپتۇ.

قىينىماق

  • قىينىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن ئازابلىماق؛ ئازاب-ئوقۇبەتكە يولۇقتۇرماق:[مىسال:] بۇ قانداق گەپ ئۇلار بىزنىڭ ئادىمىمىزنى قىيناپ يېرىم جان قىلىپ قويۇپتۇ، دېدى ئۇ چىشىنى غۇچۇرلىتىپ.[يەشمىسى:] ② قىيىن ئەھۋالغا قويماق، قىيىنچىلىق توغدۇرماق، جاپا سالماق:[مىسال:] ئۇنى ئاچلىقتىنمۇ بەتتەر ھارغىنلىق قىينىغانى?琦?

قىيىشماق

  • قىيىشماق[يەشمىسى:] «قىيماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار رەڭمۇرەڭ قەغەزدىن گۈل قىيىشىپ ياتاقنى بېزەشكە باشلىدى.

قىيىقⅠ

  • قىيىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەپسىز، جاھىل، كاج:[مىسال:] قىيىق بالا. قىيىق مىجەز. * ئۇ ناھايىتى قىيىق.

قىيىقⅡ

  • قىيىقⅡ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يانتۇ، قىيپاش، قىيسىق:[مىسال:] بۇ رەخت قىيىق كېسىلىپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② قىيىلغان، قىيىلغان ھالەتتىكى:[مىسال:] قىيىق كۆڭلەك.

قىيىقچە

  • قىيىقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر خىل يېمەكلىك. تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىر نوغۇچتا يېيىلىپ، چىش چىقىرىپ كېسىلگەندىن كېيىن يۆگىلىپ مايدا پىشۇرۇلىدۇ ۋە ئۈستىگە شېكەر سېپىلىدۇ:[مىسال:] قىيىقچە سالماق. قىيىقچە پىشۇرماق.[يەشمىسى:] ② شۇ يېمەكلىكنىڭ خېمىرىنى كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە ھەرە چىشلىق دۈگىلەك مېتالغا ساپ بېكىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

قىيىقلىقⅠ

  • قىيىقلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەپسىزلىك، جاھىللىق، كاجلىق:[مىسال:] ھەئە، بالىنىڭ قىيىقلىقىغا مەن ئەيىپلىك.

قېيىقلىقⅡ

  • قېيىقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىيىلغان، قىيىپ قويۇلغان:[مىسال:] قىيىقلىق قەغەز.

قىيىلماق

  • قىيىلماق[يەشمىسى:] ① «قىيماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] جوزا ئۈستىدە قىيىلغان رەڭلىك قەغەزلەر، گۈللەر تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئېگىلمەك، قىيسايماق:[مىسال:] كۈن چۈشتىن قىيىلدى، ئەزالار ئىشقا مېڭىشتى.

قىيىن

  • قىيىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاسان قىلغىلى بولمايدىغان؛ كۆپ ئەمگەك، كۈچ، مەبلەغ، ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان؛ مۈشكۈل:[مىسال:] قىيىن سوئال. قىيىن مەسىلە. * قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، غەيرەت بولسا ئادەمدە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئېغىرچىلىق، مۈشكۈلچىلىكلەر بىلەن تولغان؛ ئېغىر:[مىسال:] يول قىيىن، شىۋىرغان كۆز ئاچقۇزمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ كېسىم ۋەزىپىسىدە كېلىپ «ئاسان ئەمەس، تەس» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىراق ھازىرقى پەيتتە ئۇنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش بەكمۇ قىيىن.

قىيىنچىلىق

  • قىيىنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىشقا توسالغۇ بولىدىغان، قىيىنلاشتۇرىدىغان نەرسە ياكى ھالەت، توسالغۇ:[مىسال:] قىشتا قار ئاز ياغقانلىقتىن، ئەتىيازدا سۇ قىس بولۇپ، تېرىلغۇغا قىيىنچىلىق كەلتۈردى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ كەم بولۇش، يېتىشمەسلىك ھالىتى:[مىسال:] ھازىر بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز، دېدى گۈلسۈم، كىيىم-كېچەك، دېكوراتسىيە قاتارلىقلار.[يەشمىسى:] ③ ئوڭۇشسىزلىق، مۇشەققەت، ئازاب-ئوقۇبەت:[مىسال:] سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن پادىشاھلىق تەختىدىن جۇدا بولدۇق، جاپا ۋە قىيىنچىلىققا قالدۇق.

قىيىنچىلىقسىز

  • قىيىنچىلىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىيىنچىلىقى يوق، قىيىنچىلىقى بولمىغان، ئاسان:[مىسال:] پائالىيەت جەريانى پۈتۈنلەي قىزىقارلىق، ھېچقانداق قىيىنچىلىقسىز ياكى توسالغۇسىز بولۇش ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ.

قىيىنداق

  • قىيىنداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېۋەزنىڭ تەپچىسىنى چېپىۋالغاندىن كېيىن يىلتىز بىلەن قېلىپ قالغان قىسمى.

قىيىندى

  • قىيىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەخت، قەغەز، خۇرۇم قاتارلىق نەرسىلەرنى قىيىپ كەسكەندە قىيىپ تاشلانغان كېرەكسىز قىسمى.

قىيىنسىنىشماق

  • قىيىنسىنىشماق[يەشمىسى:] «قىيىنسىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

قىيىنسىنماق

  • قىيىنسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىيىن، جاپا ھېس قىلماق:[مىسال:] بۇ ئىشنى ئۇ قىيىنسىندى.

قىيىن-قىستاق

  • قىيىن-قىستاق[يەشمىسى:] جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن سېلىنغان ھەددىدىن ئارتۇق ئازاب، قاتتىق قىيناپ ۋە قىستاپ مەجبۇرلاش:[مىسال:] مۇھەممەت قۇلى ئازراق قىيىن-قىستاققا چىدىيالماي، ئۆزى بىلگەن ھەممە سىرنى ئېيتىپ خائىنلىق قىلىپتۇ.

قىيىنلاشتۇرماق

  • قىيىنلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «قىيىنلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] پولات ئىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويدى.

قىيىنلاشتۇرۇلماق

  • قىيىنلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «قىيىنلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

قىيىنلاشماق

  • قىيىنلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بالدۇرقىغا نىسبەتەن بارغانسېرى تەس، قىيىن، مۇشەققەتلىك بولۇپ قالماق؛ تەسلەشمەك:[مىسال:] ئىمتىھان قىيىنلاشتى.

قىيىنلىق

  • قىيىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىيىن، ئېغىر، تەس ھالەت، كەيپىيات، مۈشكۈللۈك:[مىسال:] ئادىل ئاستا-ئاستا، لېكىن خېلى قىيىنلىق بىلەن يەنە مۇتەللىپتىن ئۆگىنىشكە باشلىدى.