ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

21 ل 🔗

ل

لائەقەل

لابدۇر

لابدۇرلاشتۇرماق

لابدۇرلاشماق

لابدۇرلۇق

لابرادۇر

لابوراتورىيە

لابوراتورىيىلىك

لابورانت

لاپⅠ

لاپⅡ

لاپاسⅠ

لاپاسⅡ

لاپاسلاتماق

لاپاسلاشماق

لاپاسلىماق

لاپپىدە

لاپچايتماق

لاپچايماق

لاپچۇق

لاپچى

لاپچىن

لاپچىيىشماق

لاپخور

لاپساڭ

لاپقۇت

لاپقۇتلاشتۇرماق

لاپقۇتلاشتۇرۇلماق

لاپقۇتلاشماق

لاپ-لاپ

لاتا

لاتاغىلاپ

لاتاقونچ

لاتاپەت

لاتاپەتلىك

لاتا-پۇتا

لاتارىيە

لاتقا

لاتقىلىق

لاتىپۇرۇش

لاتىپۇرۇشلۇق

لاتىلاشتۇرماق

لاتىلاشتۇرۇلماق

لاتىلاشماق

لاتىن

لاتىنچە

لاجۇۋەرد

لاچىن

لاچىندانە

لاخسا

لاخشىگىر

لاخۇ

لاخۇچە

لازا

لازېر

لازىجاڭ

لازىگۈل

لازىلىق

لازىم

لازىمەت

لازىمەتلىك

لازىملىق

لاس

لاسسىدە

لاس-لاس

لاغ

لاغايلاتماق

لاغايلاشماق

لاغايلىماق

لاغ-لاغ

لاغىلداتماق

لاغىلداشماق

لاغىلدىماق

لاق

لاقا-لۇقا

لاققا

لاققىدە

لاقىلداتماق

لاقىلداشماق

لاقىلدىماق

لاك

لاكات

لاكاتلىق

لاكتوزا

لاكتومېتىر

لاكلاتماق

لاكلاشماق

لاكلانماق

لاكلىماق

لاكمۇس

لاكىلوزۇڭ

لاگېر

لاڭشىق

لاڭقاⅠ

لاڭقاⅡ

لاڭگازا

لال

لالايماق

لالە

لالە-رەيھان

لالما

لالمىلىق

لالۇ

لالىزار

لالىزارلىق

لالىگۈل

لام

لاما

لامپا

لامپروفىر

لامپۇچكا

لام-جىم

لام-جىم دېمەي

لامزەللە

لامزەللىلىك

لانتان

لاندىش

لانسىت

لانولىن

لاۋاⅠ

لاۋاⅡ

لاۋازىم

لاۋازىمات

لاۋازىماتچى

لاۋازىماتچىلىق

لاۋا-لاتقا

لاۋان

لاۋر

لاۋرېنتسىي

لاۋزا

لاۋزىلاشتۇرماق

لاۋزىلاشماق

لاۋزىلىق

لاۋۇلەشكەر

لاۋۇلداتماق

لاۋۇلدىماق

لاي

لاياقەت

لاياقەتسىز

لاياقەتسىزلىك

لاياقەتلىك

لايپاس

لايچى

لايچىلىق

لايخورەك

لايخۇش

لايسىمان

لايغەزەل

لايغەزەللەشتۈرمەك

لايغەزەللەشمەك

لايغەزەللىك

لايقا

لايلاتما

لايلاتماق

لايلاشماق

لايلانماق

لاي-لاي

لايلەمپە

لايلىق

لايلىماق

لايىق

لايىقسىزلىق

لايىقلاشتۇرماق

لايىقلاشتۇرۇلماق

لايىقلاشتۇرۇشماق

لايىقلاشماق

لايىقلىق

لايىقىدا

لايىھە

لايىھىچى

لايىھىلەتمەك

لايىھىلەشمەك

لايىھىلەنمەك

لايىھىلىگۈچى

لايىھىلىمەك

لاييېگەك

لەئەل

لەئەل-ياقۇت

لەپ

لەپەر

لەپەرچى

لەپەڭ

لەپەڭ-لەپەڭ

لەپەڭلەتمەك

لەپەڭلەشمەك

لەپەڭلىمەك

لەپپىدە

لەپشىتمەك

لەپشىرىن

لەپشىشمەك

لەپشىمەك

لەپ-لەپ

لەپلىمە

لەپىلدەتمەك

لەپىلدەشمەك

لەپىلدىمەك

لەت

لەتىپە

لەتىپىچى

لەتىپىلەشمەك

لەجۋە

لەختە

لەختە-لەختە

لەخشە

لەخشە-لەخشە

لەخمە

لەخمىلەشتۈرمەك

لەخمىلەشتۈرۈشمەك

لەخمىلەشتۈرۈلمەك

لەخمىلەشمەك

لەخمىلىك

لەرزان

لەرزە

لەززەت

لەززەتسىز

لەززەتسىزلىك

لەززەتلەنمەك

لەززەتلىك

لەززەتلىنىشمەك

لەزىز

لەش

لەشكەر

لەشكەرگاھ

لەقەم

لەقەمچى

لەقەملەنمەك

لەقەملىك

لەقۋا

لەقۋالاشتۇرماق

لەقۋالاشتۇرۇشماق

لەقۋالاشتۇرۇلماق

لەقۋالاشماق

لەقۋالىق

لەك

لەك-لەك

لەگلەك

لەڭⅠ

لەڭⅡ

لەڭپۇڭ

لەڭپۇڭچى

لەڭپۇڭچىلىق

لەڭزە

لەڭگەرⅠ

لەڭگەرⅡ

لەڭگەرچى

لەڭڭىدە

لەڭ-لەڭ

لەڭمەن

لەڭمەنتاقتاق

لەڭمەنخانا

لەلەڭ

لەلەڭلەتمەك

لەلەڭلەشمەك

لەلەڭلىمەك

لەمبۇق

لەمپە

لەمپىلىك

لەنەت

لەنەتگەردى

لەنەتلەنمەك

لەنەتلىك

لەنەت-نەپرەت

لەنىتىي

لەھەت

لەھەڭ

لەھجە

لەھزە

لەۋ

لېۋىنى چىشلىمەك

لەۋەن

لەۋەنلەشمەك

لەۋەنلىك

لەۋەي

لەۋەي-لەۋەي

لەۋ-چىش

لەۋز

لەۋلەشتۈرمەك

لەۋلەشتۈرۈلمەك

لەۋلەشمەك

لەۋھە

لەيسىلىمەك

لەيلەتمەك

لەيلەشمەك

لەيلەك

لەيلى

لەيلى-رەيھان

لەيلىقازاق

لەيلىگەك

لەيلىگۈچ

لەيلىگۈچلۈك

لەيلىگۈچى

لەيلىگۈل

لەيلىمە

لەيلىمەك

لوبا

لوبېلىيە

لوپ

لوپا

لوپ-لوپ

لوپولىت

لوپۇلداتماق

لوپۇلداشماق

لوپۇلدىماق

لوت

لوخو

لورروپتالۇم

لوزۇڭ

لوزۇنكا

لوغۇلدىماق

لوقⅠ

لوقⅡ

لوقشىماق

لوق-لوق

لوقما

لوقۇلداتماق

لوقۇلدىماق

لوكⅠ

لوكⅡ

لوكتا

لوكدان

لوككا

لوككىدە

لوككىلىق

لوك-لوك

لوكۇلداتماق

لوكۇلداشماق

لوكۇلدىماق

لوگارىفما

لوگارىفمىلاتماق

لوگارىفمىلانماق

لوگارىفمىلىق

لوگارىفمىلىماق

لوگىكا

لوگىكىشۇناس

لوگىكىشۇناسلىق

لوگىكىلىق

لوڭ

لوڭقا

لوڭڭىدە

لوڭ-لوڭ

لوڭىلدىماق

لوڭيەن

لولا

لولىلىق

لوم

لومودى

لويلا

لويى

لويىلىق

لۇشيەن

لۇغەت

لۇغەتچى

لۇغەتچىلىك

لۇغەتشۇناس

لۇغەتشۇناسلىق

لۇمىنال

لۇنخۇر

لۆت

لۆجە

لۆڭگە

لۆم

لۆمشىتمەك

لۆمشىمەك

لۆم-لۆم

لۆممىدە

لۆمۈلدەتمەك

لۆمۈلدەشمەك

لۆمۈلدىمەك

لۈكچەك

لۈكچەكلىك

لۈي

لۈيجاڭ

لې

لېپاپ

لېپاپلىق

لېپاپلىماق

لېپەز

لېپەك

لېپەكگۈل

لېپتون

لېپتىنىت

لېچەك

لېچەكلىك

لېزا

لېس

لېكتور

لېكتورلۇق

لېكسىكا

لېكسىكىلىق

لېكسىكولوگىيە

لېكسىيە

لېكىن

لېگاتا

لېمپىرا

لېنتا

لېنتىسىمان

لېنتىلىق

لېنىنىزم

لېنىنىزىملىق

لېئو

لېئون

لېۋ

لېۋامىزول

لېئىشمان

لېيبورستلار

لېيبىڭ

لېيىتماق

لېيىماق

لىباس

لىبېرال

لىبېرالىزم

لىبېرالىزملىق

لىبېرالىست

لىبېرالىستلىق

لىپ

لىپا

لىپارىت

لىپپىدە

لىپتىك

لىپ-لىپ

لىپىلداتماق

لىپىلداشماق

لىپىلدىماق

لىتاۋرى

لىتوسفېرا

لىتىر

لىتىرلاتماق

لىتىرلاشماق

لىتىرلانماق

لىتىرلىماق

لىتىرلىق

لىتىي

لىتىيلىق

لىجى

لىچىنكا

لىراⅠ

لىراⅡ

لىرىك

لىرىكا

لىرىكىچى

لىرىكچىلىق

لىرىكلىق

لىزوزىما

لىزول

لىزۇ

لىزۇچە

لىسۇ

لىسۇچە

لىشاينىك

لىفىت

لىغ

لىغ-لىغ

لىغىر

لىغىرلاتماق

لىغىرلاشماق

لىغىر-لىغىر

لىغىرلىماق

لىغىلداتماق

لىغىلداشماق

لىغىلدىماق

لىق

لىققىدە

لىقلاتماق

لىقلاشماق

لىقلانماق

لىقلىماق

لىقمۇلىق

لىكⅠ

لىكⅡ

لىكاڭ

لىكاڭلاتماق

لىكاڭلىماق

لىككىدە

لىك-لىك

لىكىلداتماق

لىكىلدىماق

لىگنىن

لىگنىنلاشماق

لىڭⅠ

لىڭ تاسما

لىڭⅡ

لىڭجاڭ

لىڭشىتماق

لىڭشىشماق

لىڭشىق

لىڭشىماق

لىڭگە

لىڭگىر

لىڭگىرتاقتاق

لىڭگىرچاق

لىڭگىرلەتمەك

لىڭگىرلىمەك

لىڭگىر-لىڭگىر

لىڭڭىدە

لىڭ-لىڭ

لىڭىلداتماق

لىڭىلداشماق

لىڭىلدىماق

لىلانگېنى

لىللا

لىللالاشماق

لىللالىق

لىم

لىمتاق

لىمفا

لىمفاتىك

لىملىق

لىمون

لىمونات

لىمونىن

لىمىت

لىمىنگراف

لىندېرا

لىنزا

لىنىيە

لىۋان

لىۋىيە

ليەن

ليەنجاڭلىق

ليۇتېتسىي

ليۇمېن

ئىزاھى

ل

  • ل[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمەبىرىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە بىرىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ل» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ل»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ل»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ل»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىل»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «لې».

  • «ل» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۇچى چىش تۈۋى تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن قوۋۇز (يان) تاۋۇشى، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

  • «ل» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئال، قال، سال، چال، كەل، بول، قىل» پېئىللىرى تۈرلەنگەندە بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن «ل» تاۋۇشى جانلىق تىلدا چۈشۈپ قالسىمۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزىدا چۈشۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا جانلىق تىلدا

  • ئالسىلا ئا:سىلا

  • كەلسەم كە:سەم

  • قالغان قا:غان

  • چالماق چا:ماق

  • بولسا بو:سا

لائەقەل

  • لائەقەل[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھېچبولمىغاندا، ئاز دېگەندە، ئەقەللىسى:[مىسال:] شۇجى مەندىن لائەقەل سۈكۈتلۈك رازىلىق ئالماي تۇرۇپ، بۇ توغرىدا ئاشۇنداق چارە كۆرۈۋېتەلمەيدۇ.

لابدۇر

  • لابدۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستۋېشى پاسكىنا، كىيىنىشى رەتسىز:[مىسال:] بالىلىرى شىلدىر شېكەر، ئانىسى لابدۇر خوتۇن (تېپىشماق).

لابدۇرلاشتۇرماق

  • لابدۇرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «لابدۇرلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لابدۇرلاشماق

  • لابدۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈستۋېشى پاسكىنا، كىيىنىشى رەتسىز ھالغا كېلىپ قالماق؛ مەينەتلىشىپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ تولىمۇ لابدۇرلىشىپ كېتىپتۇ.

لابدۇرلۇق

  • لابدۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاسكىنىلىق، رەتسىزلىك:[مىسال:] پاسكىنا ۋە رەتسىز كىيىنىپ يۈرۈش لابدۇرلۇقنىڭ بەلگىسى.

لابرادۇر

  • لابرادۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] پلاگېئوكلازنىڭ بىر تۈرى، يەنى كالتسىي-ناترىيلىق دالا شىپاتىنىڭ كونىچە ئاتىلىشى.

لابوراتورىيە

  • لابوراتورىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتئال[[يەشمىسى:] دوختۇرخانا، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپ قاتارلىقلاردىكى تەجرىبە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆي؛ تەجرىبىخانا.

لابوراتورىيىلىك

  • لابوراتورىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لابوراتورىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان، لابوراتورىيە ئارقىلىق قىلىنىدىغان:[مىسال:] لابوراتورىيىلىك خىزمەت. ∥ بىز بۇنىڭدا لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق.

لابورانت

  • لابورانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتئال[[يەشمىسى:] لابوراتورىيە ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەجرىبە ئىشلەيدىغان ئىلمىي خادىم.

لاپⅠ

  • لاپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىنغان، قۇرۇق، يالغان گەپ؛ پو:[مىسال:] يوق دېمەڭ تۇرمۇشتا مۇنداق پور تېرەكتەك كاتتىنى، كەسپى شۇ بىلمەيدۇ ھەرگىز لاپ ئۇرۇشتىن باشقىنى. ∥ يىگىتلىك چاغلىرىمدا ئاشۇنداق بىر قىزنى كۆرگىنىمدە «خىيالىمغا ھېچقانداق پىكىر كەلمەيتتى» دېسەم لاپ گەپ بولۇپ قالار.

لاپⅡ

  • لاپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئومۇمەن كۆز نۇرى ۋە باشقا نۇرلارنىڭ بىرەر نەرسە ئۈستىدە دەرھال پەيدا بولۇش ياكى يوقىلىش ۋە ياكى دەرھال باشقا ياققا كۆچۈش ھالىتى:[مىسال:] قاۋۇل «لاپ» قىلىپ ئۆچكەن ئوت يورۇقىدا ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى چالا-بولا كۆزەتتى-دە، كۆڭلى ئەنسىزلەندى.

لاپاسⅠ

  • لاپاسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چەللە:[مىسال:] بۇ ۋاقىتتا بىر ئەسكەر ھويلىدا قېلىپ، ئېغىل، لاپاس، سامانلىقلارنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.

لاپاسⅡ

  • لاپاسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پايپاسلاپ، ئالدىراپ، تېز مېڭىش ھالىتى.

لاپاسلاتماق

  • لاپاسلاتماق[يەشمىسى:] «لاپاسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لاپاسلاشماق

  • لاپاسلاشماق[يەشمىسى:] «لاپاسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لاپاسلىماق

  • لاپاسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پايپاسلىماق، ئالدىرىماق، ئالدىراپ ئىتتىك ماڭماق:[مىسال:] ئۇ لاپاسلاپ كېتىۋاتىدۇ.

لاپپىدە

  • لاپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «لاپ» قىلغان ھالدا، «لاپ» قىلىپ؛ تېزلىك بىلەن، بىردىنلا:[مىسال:] چىراغ لاپپىدە ياندى.

لاپچايتماق

  • لاپچايتماق[يەشمىسى:] «لاپچايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لاپچايماق

  • لاپچايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە بېسىلىپ ئەسلىدىكى شەكلىدىن ئۆزگەرمەك، ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىنى تاشلىماق، ئېزىلمەك:[مىسال:] چۈشتىن كېيىن ياكى بازارغا چىقىپ كېتىشەتتى ياكى لاپچىيىپ ئولتۇرۇشۇپ قۇرۇق پاراڭ سوقۇشاتتى.

لاپچۇق

  • لاپچۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاناق.

لاپچى

  • لاپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لاپ ئۇرىدىغان، يوغان سۆزلەيدىغان ئادەم؛ پوچى:[مىسال:] ئۇ ئۇچىغا چىققان لاپچى ئىدى.∥ تۇرسۇنمەت لاپچى ھەمراھلىرىدىن زېرىككەنىدى.

لاپچىن

  • لاپچىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يوپۇرماق.

لاپچىيىشماق

  • لاپچىيىشماق[يەشمىسى:] «لاپچايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىكارچىلىقتىن ئاپتاپقا قاقلىنىپ، كەچكىچە لاپچىيىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ.

لاپخور

  • لاپخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لاپ ئۇرغۇچى، لاپچى، چوڭ سۆزلىگۈچى.

لاپساڭ

  • لاپساڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۇس، زەئىپ؛ سولاشقان.

لاپقۇت

  • لاپقۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئۆزلىرىدە بار ئوخشاش نەرسىلەرنى نۆۋەت بىلەن ئىشلىتىش ئىشى ۋە شۇنداق يول بىلەن بېرىلگەن ئۆتنە، ئارىيەت:[مىسال:] لاپقۇتقا ئالماق.

لاپقۇتلاشتۇرماق

  • لاپقۇتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «لاپقۇتلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لاپقۇتلاشتۇرۇلماق

  • لاپقۇتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «لاپقۇتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لاپقۇتلاشماق

  • لاپقۇتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئائىلە ئۆزلىرىدە بار ئوخشاش نەرسىلەرنى نۆۋەت بىلەن ئىشلەتمەك، ئۆزئارا ئارىيەت ئېلىشماق، ئۆزئارا ھەمكارلاشماق:[مىسال:] بەزى جايلاردا دېھقانلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ لاپقۇتلىشىش، ھەمكارلىشىپ ئىشلەش گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇۋاپتۇ.

لاپ-لاپ

  • لاپ-لاپ[يەشمىسى:] «لاپⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ماشىنا 200 مېتىرچە قالغاندا، چىرىغىنى لاپ-لاپ قىلىپ ئۆچۈرۈپ يەنە ياندۇردى ۋە سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى.

لاتا

  • لاتا[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كونىراپ كەتكەن ئەسكى-تۈسكى رەخت ياكى رەخت پارچىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بوش، بوشاڭ، ئەزمە، لامزەللە:[مىسال:] ھەي لاتا، قولۇڭغا ئالە ماۋۇنى. نېمانچە ناز قىلىسەن، ئىچە ئەلى ئىلاجسىز يەنە ئازراق ئىچىپ قويدى.

لاتاغىلاپ

  • لاتاغىلاپ[يەشمىسى:] لامزەللە، بوشاڭ؛ ئەزمە:[مىسال:] ئۇ بىر لاتاغىلاپ. ئۇنىڭدىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ.

لاتاقونچ

  • لاتاقونچ[يەشمىسى:] «لاتاغىلاپ»قا قاراڭ:[مىسال:] سەن لاتاقونچ ھېچنېمىنى چۈشەنمەيسەن، دېدى قاسىم جىسا.

لاتاپەت

  • لاتاپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گۈزەللىك، خۇشخۇيلۇق، نازۇكلۇق، مۇلايىملىق:[مىسال:] كۆرمەكتە ئۇ ھەتتا قەلبلەردىكى، گۈزەللىك لاتاپەت، داغ ۋە يارىنى.

لاتاپەتلىك

  • لاتاپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىملىق، گۈزەل، كېلىشكەن چىرايلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ گويا سۈرەتلەردىكى پەرىزاتتەك لاتاپەتلىك تۇرقى، مەكتەپ قىياپىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرق قىلاتتى.

لاتا-پۇتا

  • لاتا-پۇتا[يەشمىسى:] ئەسكى-تۈسكى لاتىلار، رەخت پارچىلىرى.

لاتارىيە

  • لاتارىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] بېلەت بىلەن پۇل ياكى بۇيۇم ئۇتۇش ئويۇنى:[مىسال:] لاتارىيە بېلىتى.

لاتقا

  • لاتقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دەريا، كۆل قاتارلىقلارنىڭ تېگىگە چۆككەن لاي ۋە باشقا ئارىلاشمىلار.

لاتقىلىق

  • لاتقىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لاتقىسى بار، لاتقا ياتقان ياكى ئارىلاشقان:[مىسال:] لاتقىلىق ئېرىق. لاتقىلىق كۆل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لاتقا يىغىلغان، دۆۋىلەنگەن جاي.

لاتىپۇرۇش

  • لاتىپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەزمال سودىگىرىنىڭ كەمسىتىپ ئاتىلىشى.

لاتىپۇرۇشلۇق

  • لاتىپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەزمال ئېلىپ سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] لاتىپۇرۇشلۇق قىلماق. لاتىپۇرۇشلۇق بىلەن شۇغۇللانماق.

لاتىلاشتۇرماق

  • لاتىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «لاتىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجسى.

لاتىلاشتۇرۇلماق

  • لاتىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «لاتىلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لاتىلاشماق

  • لاتىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوش، ئەزمە، لامزەللە ھالەتكە كەلمەك؛ كېرەكسىز بولۇپ قالماق:[مىسال:] بارغانچە لاتىلىشىپ كېتىپ بارىسەنغۇ، دېدى ئۇ سەمەتكە ھومىيىپ قاراپ.

لاتىن

  • لاتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ① مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1000-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى تىبېرىس دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا جايلاشقان لاتىئوم تۈزلەڭلىكىدە ياشىغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى. دەسلەپتىكىلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000-يىللىرى ياۋروپا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىن كۆچۈپ چىققان ھىندى-ياۋروپالىقلار بولۇپ، كېيىن باشقا قەبىلىلەرنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئۇلار قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى بەزىبىر كىچىك شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان. رىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. [يەشمىسى:] ② لاتىن تىلى ۋە رىم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر زور بولغان، ھىندى-ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ رىم تىل تارمىقىدىكى تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئاھالىلار يەنى ھازىرقى ئىتالىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.

لاتىنچە

  • لاتىنچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قەدىمكى رىم تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت.[يەشمىسى:] ② لاتىن تىلىغا، قەدىمكى رىملىقلار تىلىغا ئائىت. [يەشمىسى:] ③ لاتىن ئېلىپبە جەدۋىلى ئاساسىدا ئىشلەنگەن، لاتىنلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] لاتىنچە ئالفاۋىت. لاتىنچە يېزىق.

لاجۇۋەرد

  • لاجۇۋەرد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مېنېرال، يەنى ھاۋا رەڭدىن توق كۆك رەڭگىچە بولغان رەڭلەردە كۆرۈنىدىغان بىر خىل تاش ماتېرىيال. سەل سۈزۈك ياكى تۇتۇق. قاتتىقلىقى 55.5، ماي پارقىراقلىقىغا ئىگە. ئۇنىڭ ئىچىگە كۆپىنچە سېرىق تۆمۈر رۇدىسىنىڭ ئۇششاق دانىچىلىرى ئارىلاشقانلىقتىن، سىلىقلانغان يۈزى كۆپ ھاللاردا قېنىق كۆك، ئارقا كۆرۈنۈشى يالتىراق، زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ رەڭگىدە بولىدۇ.

لاچىن

  • لاچىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلار كلاسى، لاچىن ئائىلىسىدىكى بىر قۇش. ئەركىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ. باش قىسمى بىلەن بوينىنىڭ يان تەرەپلىرىدىكى پەي-تۈكلىرى قارا رەڭلىك، ئازراق كۆكۈچ ئارىلاش، قارا ئالىسىمۇ بار. دۈمبە تەرەپلىرى كۆك كۈل رەڭ، قورساق قىسىملىرى ئاقۇچ ھەم قارا ئالىسى بار. ئۇچۇشى تېز، يىرتقۇچ كېلىدۇ، چوڭ قۇشلارنىمۇ ئوۋلىيالايدۇ. شىمالدا كۆپىيىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ، شىنجاڭدىمۇ بار.

لاچىندانە

  • لاچىندانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. سىرتقى شەكلى باجياۋغا ئوخشايدۇ، گۈلى ئاچ سېرىق، مېۋىسى ياپىلاق شار شەكلىدە. ئۇرۇقى ئانار دانىسىغا ئوخشاش بولۇپ، خۇش پۇرايدۇ. مېۋىسى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ياكى ئۇرۇقى.

لاخسا

  • لاخسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سامان قاتارلىق ئوت-خەسلەرنى قاچىلاپ توشۇش ياكى يۆتكەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئاساسەن چىگە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن تور شەكلىدە توقۇلىدىغان ھەجمى چوڭراق بولغان نەرسە؛ چوڭ كۆشۈك.

لاخشىگىر

  • لاخشىگىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئوچاق ياكى مەشتىن چوغ ئالغاندا ئىشلىتىدىغان ساپلىق تۆمۈر.

لاخۇ

  • لاخۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى.ئۇلار ئاساسەن ئېلىمىزىنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لەنساڭ لاخۇ ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە مېڭليەن دەيزۇ-لاخۇ-ۋازۇ ئاپتونوم ناھىيىسىگە ئولتۇراقلاشقان. قالغان قىسىملىرى شۇاڭجياڭ، گېڭما، جىڭگو قاتارلىق ناھىيىلەرگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. چەت ئەللەردىن بىرما، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بىر قىسىم لاخۇلار ياشايدۇ.

لاخۇچە

  • لاخۇچە [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لاخۇلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] لاخۇچە ئادەت. لاخۇچە ئۇسسۇل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لاخۇ تىلى:[مىسال:] لاخۇچىنى ياخشى سۆزلىمەك.

لازا

  • لازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تۆمۈنە شەكىللىك، گۈلى ئاق، مېۋىسى كۆپىنچە يۇڭ قەلەمنىڭ ئۇچىغا ئوخشاش، پانۇسقىمۇ ئوخشايدۇ، يۈرەك شەكىللىكلىرىمۇ بار. رەڭگى كۆك، پىشقاندىن كېيىن قىزىل رەڭگە كىرىدۇ. ئادەتتە ئاچچىق تەمى بار بولۇپ، تاماققا ئىشلىتىلىدۇ، ئاشقازاننى قۇۋەتلىگۈچى دورا ياساشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

لازېر

  • لازېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بەزى ماددىلارنىڭ ئاتومىدىكى زەررىچىلەر يورۇقلۇق ياكى ئېلېكترنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن، تۆۋەن ئېنېرگىيە دەرىجىلىك ئاتومدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىلىك ئاتومغا ئۆزگىرىپ، فازا، چاستوتا ۋە يۆلۈنۈشلىرى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان يورۇقلۇق (نۇر) لازېر نۇرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى رەڭگى ئىنتايىن ساپ، ئېنېرگىيىسى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. ئادەتتە سانائەت، ھەربىي ئىشلار، تېبابەتچىلىك، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، پەن تەتقىقاتى، ئالاقە ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ.

لازىجاڭ

  • لازىجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئۇۋاق لازىغا چۈچۈتۈلگەن ماي، ئاچچىقسۇ، سامساق قاتارلىقلارنى قوشۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل تېتىتقۇ.

لازىگۈل

  • لازىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لازا+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لازىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى، يەنى چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈمۈلۈك. تەمى ناھايىتى ئاچچىق. مېۋىسىنى ئىستېمال قىلغىلى ۋە دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يىلتىزى بىلەن غولى رېماتىزىم، ئادەت ھەددىدىن ئارتۇق كېلىش كېسەللىكلىرىنى؛ مېۋىسى تال ھەم ئاشقازان زەئىپلىكى، ئىشتىھاسىزلىك ۋە تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

لازىلىق

  • لازىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس لازا تېرىلغان، لازا ئۆستۈرۈلگەن يەر.

لازىم

  • لازىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بېجىرىلىشى زۆرۈر بولغان؛ كېرەك، زۆرۈر:[مىسال:] ئوبۇل ھەسەن ئىبنى تاھىر ئۇنىڭغا: ئۇنداق قاملشمىغان گەپنى قويۇڭ ئەگەر لازىم تېپىلىدىكەن جېنىمنىمۇ سىزگە پىدا قىلىشقا تەييارمەن، دەپتۇ.

لازىمەت

  • لازىمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لازىم بولدىغان نەرسە:[مىسال:] ئو پولكوۋنىك ئىمىروپنى مەغرۇرانە كەيپىياتتا كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭ «ئالتاينى ئازاد قىلىش پىلانى»، تاللىغان ئوفىتسېرلىرى، تەلەپ قىلغان لازىمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلىدى.

لازىمەتلىك

  • لازىمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا لازىم بولىدىغان نەرسە:[مىسال:] يول لازىمەتلىكلىرى.  ئۇلار ئالدىراش ھالدا سەپەر لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلىشىۋاتاتتى. ∥ ئۇ لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەييارلاپ قويغانىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر جايغا ئاپىرىش ئۈچۈن تەييارلانغان سوۋغا:[مىسال:] مەريەمخانغا ئاپىرىدىغان لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ قويدۇڭلارمۇ

لازىملىق

  • لازىملىق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كېرەك بولىدىغان، ئىشلىتىدىغان، ئېھتىياجلىق:[مىسال:] لازىملىق نەرسە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لازىم بولىدىغان يېرى، ئېھتىياجلىق تەرىپى:[مىسال:] بۇنىڭ ھېچ لازىمىلقى يوق.

لاس

  • لاس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① ھارۋا، ئاپتوموبىل چاقىنىڭ كامېرى، توپ ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يېلى چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى بىردىنلا ماكچايغان ھالىتى. [يەشمىسى:] ② ئادەملەرنىڭ بىرەر ئىش تەسىرىدىن بىردىنلا بوشىشىش ھالىتى.

لاسسىدە

  • لاسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «لاس» قىلىپ؛ بوشىشىپ:[مىسال:] كېرەم بويتاق گويا توك سوقۇۋەتكەندەك چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى يۇ، شۇ زامان يەنە يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك لاسسىدە ئورۇندۇققا چاپلىشىپ قالدى.

لاس-لاس

  • لاس-لاس[يەشمىسى:] «لاس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لاغ

  • لاغ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] جانلىقلار تېنىنىڭ قاتتىق سوغۇق ياكى قورقۇش تەسىرىدىن قاتتىق تىترەش ھالىتى.

لاغايلاتماق

  • لاغايلاتماق[يەشمىسى:] «لاغايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لاغايلاشماق

  • لاغايلاشماق[يەشمىسى:] «لاغايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لاغايلىماق

  • لاغايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىكار يۈرمەك، ئىش قىلماي ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] ئاڭلىسام ئامراق ئىمىشسەن گۈلگە باغۋەندىنمۇ بەك، راستمۇ، ئۇنداقتا لاغايلاپ يۈرمە گۈلزار ئالدىدا.

لاغ-لاغ

  • لاغ-لاغ[يەشمىسى:] «لاغ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى، تاشۋاي ئەتىگەن توخۇ چىللىغاندا لاغ-لاغ تىترەپ ئورنىدىن تۇردى.

لاغىلداتماق

  • لاغىلداتماق[يەشمىسى:] «لاغىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لاغىلداشماق

  • لاغىلداشماق[يەشمىسى:] «لاغىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لاغىلدىماق

  • لاغىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لاغ-لاغ تىترىمەك، قاتتىق تىترىمەك:[مىسال:] بۇ يوللار نەقەدەر مۈشكۈل-خەتەرلىك بەزگەكتەك لاغىلداپ تىترەيدۇچېرىك.

لاق

  • لاق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چاق ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر ئويمانغا، كاتاڭغا چۈشكەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

لاقا-لۇقا

  • لاقا-لۇقا[يەشمىسى:] نەرسە-كېرەك، ھەر خىل نەرسىلەر:[مىسال:] ئۆيىنىڭ لاقا-لۇقىلىرى.

لاققا

  • لاققا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قاتناش قوراللىرى تولا مېڭىش ياكى باشقا بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى شەكىللەنگەن يولدىكى ئوي-دۆڭلەر، چوڭقۇرلۇق.

لاققىدە

  • لاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «لاق» قىلىپ، «لاق» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ھارۋىنىڭ بىر چاقى «لاققىدە» قىلىپ بىر كاتاڭغا چۈشتى-دە، ھارۋا چىپپىدە توختىدى.

لاقىلداتماق

  • لاقىلداتماق[يەشمىسى:] «لاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لاقىلداشماق

  • لاقىلداشماق[يەشمىسى:] «لاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لاقىلدىماق

  • لاقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لاق-لاق قىلماق:[مىسال:] يۈرىكىم ۋولقان كەبى پارتلايدۇ، ھېسلىرىم دېڭىز بولۇپ شارقىرايدۇ. كۆكسىدە ئۇچار دەھشەت بوران شۇ تاپ ۋۇجۇدۇم غەزەپ ئىچرە لاقىلدايدۇ.

لاك

  • لاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سمولا، زىغىر يېغى ياكى سكىپىدار قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن بىر خىل سىر. رەڭسىز كېلىدۇ. ئادەتتە ياغاچ جابدۇقلارنىڭ يۈزىگە سۈركىلىدۇ. بۇ چاغدا جابدۇق يۈزىدە بىر قەۋەت سۈزۈك پەردە ھاسىل بولۇپ، ياغاچنىڭ ئەسلىي يوللىرى ئېنىق كۆرۈنىدىغان بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② كۆزنىڭ چۆرىسىگە سۈركۈلىدىغان قارا رەڭلىك پەرداز بۇيۇمى.

لاكات

  • لاكات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۇرۇن، لەقۋا، بوشاڭ.

لاكاتلىق

  • لاكاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۇرۇنلۇق، لەقۋالىق، بوشاڭلىق.

لاكتوزا

  • لاكتوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئورگانىك بىرىكمە. مولېكوللا فورمۇلىسى .C12H22O11. ئاق رەڭلىك كرىستال ياكى پاراشوك. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ سۈتىدە بولىدۇ، ئادەم سۈتىدە 85 لاكتوزا بار. ئادەتتە بالىلار يېمەكلىكلىرى ۋە دورا ماتېرىياللىرىنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

لاكتومېتىر

  • لاكتومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سۈتتىكى سۇ مىقدارىنى پىرسەنت ھېسابىدا ئېنىقلايدىغان ئەسۋاب.

لاكلاتماق

  • لاكلاتماق[يەشمىسى:] «لاكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لاكلاشماق

  • لاكلاشماق[يەشمىسى:] «لاكلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لاكلانماق

  • لاكلانماق[يەشمىسى:] «لاكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لاكلىماق

  • لاكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لاك سۈركىمەك، لاك بەرمەك.

لاكمۇس

  • لاكمۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كلادونىيە ئوتىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنىدىغان، تۇراقلىق شەكلى يوق كۆك پاراشوك. سۇدا ئېرىيدۇ، ئانالىز خىمىيىدە ئىندىكاتور قىلىنىدۇ.

لاكىلوزۇڭ

  • لاكىلوزۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالايمىقان، تەرتىپسىز، قاملاشمىغان:[مىسال:] لاكىلوزۇڭ گەپ. ∥لاكىلوزۇڭ ئىش قىلماق.

لاگېر

  • لاگېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① ھەربىيلەر ياكى كوللېكتىپنىڭ ئاھالە تۇرۇشلۇق يەردىن يىراققا جايلاشقان ۋاقىتلىق تۇرار جايى؛ قارارگاھ:[مىسال:] ھەربىي لاگېر. پىئونېرلار لاگېرى[يەشمىسى:] ② مەھبۇسلار، ئەسىرگە چۈشكەن تۇتقۇنلارنى ساقلايدىغان جاي:[مىسال:] جازا لاگېرى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇئەييەن بىر مەسلەكتىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي گۇرۇھ؛ مەسلەكداشلار كوللېكتىپى:[مىسال:] جاھانگىرلار لاگېرى. سوتسىيالىزم لاگېرى.

لاڭشىق

  • لاڭشىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇراقسىز، تۇتۇرۇقسىز كەلگەن؛ لەقۋا:[مىسال:] لاڭشىق ئادەم.

لاڭقاⅠ

  • لاڭقاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇق ھەم ئېگىز، كېلەڭسىز كەلگەن؛ لەقۋا:[مىسال:] لاڭقا ئات.

لاڭقاⅡ

  • لاڭقاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غورۇنىڭ ئىككى چېتىدىكى ياغاچ.

لاڭگازا

  • لاڭگازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ھارۋىنىڭ يان ياغىچى.

لال

  • لال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تىلى تۇتۇلغان؛ سۆزلىيەلمەس بولۇپ قالغان، گاچا:[مىسال:] لال بولماق. لال قىلماق.

لالايماق

  • لالايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بوشاشماق، ئېزىلەڭگۈلۈك قىلماق:[مىسال:] قىزىم، قاچانغۇچە لالىيىپ ئولتۇرىسەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ مانتىغا خېمىر يۇغۇرمامسەن دېدى ئانا قىزىغا.

لالە

  • لالە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە ئۇ مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. يىلتىزى ۋە گۈلى تىنچلاندۇرۇش دورىسى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى [يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

لالە-رەيھان

  • لالە-رەيھان[يەشمىسى:] لالە ۋە رەيھان:[مىسال:] لال بولۇپ قالدىم بۈگۈن نە بولدى جانان ئالدىدا، ھەممە گۈللەر سەر خىلى ئول لالە-رەيھان ئالدىدا.

لالما

  • لالما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۇ يەر بۇ يەردە قاتراپ، ئەسكىلىكلەردىن ئوزۇق ئىزدەپ يۈرىدىغان، ئىگىسىز:[مىسال:] لالما ئىت.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېگىشلك ئىش بىلەن شۇغۇللانماي، ئۆيمۇئۆي، كوچىمۇكوچا قاتراپ يۈرىدىغان بىكار تەلەپ:[مىسال:] لالما بولغۇچە سالما بول (ماقال).∥ كىمنىڭكىدە كەچ بولسا شۇنىڭكىدە قورسىقىنى تويدۇرۇپ ئۆيىگە قايتمايدىغان، ئىش دېسە قاچىدىغان بۇ قورساق باقتى لالمىنى كىم بىلمەيدۇ، دېدى ئانارخان ئانا ئىچىدە.

لالمىلىق

  • لالمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لالما ھالەت، بىكار تەلەپلىك:[مىسال:] لالمىلىق قىلىپ يۈرمەك.

لالۇ

  • لالۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زەمبىل.

لالىزار

  • لالىزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لالە كۆپ ئۆستۈرۈلگەن ۋە لالىلەر ئېچىلغان جاي.

لالىزارلىق

  • لالىزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «لالىزار»غا قاراڭ.

لالىگۈل

  • لالىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «لالە»گە قاراڭ.

لام

  • لام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «ل» ھەرپىنىڭ نامى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ-سۆز: لام دىمەسلىك.

لاما

  • لاما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]زاڭزۇ[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] لاما دىنىدىكى راھىب.

لامپا

  • لامپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] يورۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان شېشىلىك ئەسۋاپ؛ چىراغ:[مىسال:] لامپا شېشىسى. لامپا پىلىكى.

لامپروفىر

  • لامپروفىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماگمىلىق تاغ جىنىسلىرى ئارىسىدىكى ئالاھىدە تۇتۇق رەڭلىك، تۆمۈرلۈك جىنس تۈرىدىكى بىر خىل تاغ جىنىسى. تەركىبىدە قېنىق رەڭلىك مىنېرال مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ، ئاساسەن ئامفىبول ۋە قارا چىرىمتالدىن تەشكىللەنگەن.

لامپۇچكا

  • لامپۇچكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر توكى بىلەن نۇر تارقىتىدىغان، شارسىمان شېشىدىن ئىبارەت يورۇتۇش ئەسۋابى؛ ئېلېكتر چىراغ.

لام-جىم

  • لام-جىم[يەشمىسى:] گەپ-سۆز.

لام-جىم دېمەي

  • لام-جىم دېمەي[يەشمىسى:] گەپ سۆز قىلماي، ھېچقانداق ئاۋاز چىقارماي:[مىسال:] «دۈشمەن قاچسا باتۇر كۆپىيەر» دېگەندەك، مۇشۇ چاغقىچە لام-جىم دېمەي ئولتۇرۇشقان شەھەر چوڭلىرىمۇ چۈشىنىپ، سۆزگە ئارىلىشىپ كېتىشتى.

لامزەللە

  • لامزەللە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشنى ئوڭشاپ قىلالمايدىغان؛ بوشاڭ، لايغەزەل:[مىسال:] ئۇ ئانچىمۇ لامزەللە ئەمەس.

لامزەللىلىك

  • لامزەللىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوشاڭلىق، لايغەزەللىك:[مىسال:] لامزەللىلىك قىلماق.

لانتان

  • لانتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(Lanthanum) La كۈل رەڭ، سىرەك يەر مېتاللىرىنىڭ بىرى. لانتان، سېرىي ۋە تۆمۈرنىڭ قېتىشمىسى چاقماق تېشى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

لاندىش

  • لاندىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆرۈنۈشى شار شەكلىدە بولۇپ، دورىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

لانسىت

  • لانسىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] خوردىلىق ھايۋان. كىچىك بېلىقلارغا ئوخشايدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالتە-يەتتە سانتىمېتىر ئەتراپىدا، يېرىم سۈزۈك، بېشى ۋە قۇيرۇقى ئۇچلۇق كېلىدۇ. تېنىدە خوردىسى، دۈمبە پالاقچىسى، ساغرا پالاقچىسى ۋە قۇيرۇق پالاقچىسى بولىدۇ. دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توپا ئارىسىدا ياشايدۇ.

لانولىن

  • لانولىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] قوي يۇڭى مېيى. قوي يۇڭىنى يۇغان سۇنى قاينىتىش ئارقىلىق چەككىلەپ ئېلىنىدۇ. ئادەتتە مەلھەم دورا ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

لاۋاⅠ

  • لاۋاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان قىزىق ماگما. تەركىبى سىلىكاتنى ئاساس قىلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن تاغ جىنىسىغا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىدە كۆپ خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ.

لاۋاⅡ

  • لاۋاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرەخ شېخى، يوپۇرمىقى، ئەسكى-تۈسكى قەغەزلەر ۋە گەندە، قىغ قاتارلىق چىرىگەن ئەخلەتلەر.

لاۋازىم

  • لاۋازىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىدارە، تەشكىلات قاتارلىقلاردا تەسىس قىلىنىدىغان ۋەزىپە، ئەمەل، مەنسەپ.

لاۋازىمات

  • لاۋازىمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىدارە تەشكىلات قاتارلىقلاردا بېجىرىشكە تېگىشلىك بولغان ئىشلار، خىزمەتلەر.

لاۋازىماتچى

  • لاۋازىماتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لاۋازىمات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ خىزمەتچى.

لاۋازىماتچىلىق

  • لاۋازىماتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لاۋازىمات بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى، ئىشى.

لاۋا-لاتقا

  • لاۋا-لاتقا[يەشمىسى:] لاۋا ۋە لاتقا؛ ئەخلەت-چاۋار قاتارلىق نەرسىلەر.

لاۋان

  • لاۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەنبەر دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان، گۈلى سۈتكە ئوخشاش ئاق رەڭلىك، مېۋىسى تۇخۇمسىمان، قانىتى بولىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدۇ.ياغىچىدىن ئۆي جاھازىلىرىنى، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ياساشقا بولىدۇ.

لاۋر

  • لاۋر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كامفورا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. يوپۇرمىقىدىن پۇراق ماتېرىيالى ئىشلىنىدۇ.

لاۋرېنتسىي

  • لاۋرېنتسىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(Lawrencium) Lr بور ئارقىلىق لانتاننى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ، ئەڭ تۇراقلىق ئىزوتوپنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تەخمىنەن ئۈچ مىنۇت.

لاۋزا

  • لاۋزا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تەمى يوق، تەمسىز، تاتلىق ئەمەس:[مىسال:] لاۋزا قوغۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە ياقمايدىغان، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان، قاملاشمىغان؛ ئەھمىيەتسىز، تېتىقسىز:[مىسال:] لاۋزا گەپ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھايانى بىلمەيدىغان، ھاياسىز؛ تېتىقسىز:[مىسال:] لاۋزا كىشى.  قاسىم جىسا دېگەن تولىمۇ لاۋزا ئادەم ئىدى.

لاۋزىلاشتۇرماق

  • لاۋزىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «لاۋزىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لاۋزىلاشماق

  • لاۋزىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاتلىق تەمى يوقالماق؛ تەمسىز. لاۋزا بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئېتىزغا شۇم بويا پەيدا بولغاندىن بېرى قوغۇننىڭ تەمى بارغانسېرى لاۋزىلىشىپ كېتىپ بارىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۇچەك، تۇتۇرۇقسىز، كىشىلەرگە ياقمايدىغان گەپ قىلغىلى تۇرماق؛ گەپلىرى تېتىقسىز، لاۋزا بولۇشقا باشلىماق:[مىسال:] قانداق ئادىلە، مەن دېگەندەك چىرايلىقمىكەن بىزنىڭ ئەلا دېدى رەقىب لاۋزىلىشىپ، ئېيتىڭا، ئەلادەك گۈزەل يىگىتكە قانداق قىز ياق دېيەلسۇن.[يەشمىسى:] ③ ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈپ قالماق، لەت بولماق:[مىسال:] ئۇ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشنى زورمۇزور قىلىمەن دەپ ئاخىر تازا لاۋزىلاشتى.

لاۋزىلىق

  • لاۋزىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان، تېتىقسىز سۆز، ھەرىكەت؛ بىمەنە قىلىق، ھاياسىزلىق:[مىسال:] سەن تولا لاۋزىلىق قىلما.

لاۋۇلەشكەر

  • لاۋۇلەشكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قوشۇن ۋە لەشكەرلە:[مىسال:] بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىر-ۋۇزرالىرى، لاۋۇلەشكەرلىرى بىلەن دەشت-باياۋان تەرەپكە راۋان بولدى.

لاۋۇلداتماق

  • لاۋۇلداتماق[يەشمىسى:] «لاۋۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شامال ئوتنى لاۋۇلدىتىۋەتتى.

لاۋۇلدىماق

  • لاۋۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يالقۇنجاپ، ئۇلغىيىپ كۆيمەك:[مىسال:] ئوت لاۋۇلداپ كۆيمەكتە.

لاي

  • لاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نەملىك تەسىرىدە ياكى سۇ بىلەن ئارىلىشىپ يۇمشاق ۋە يېپىشقاق ھالەتكە كەلگەن تۇپراق:[مىسال:] مەريەم گۈپپىدە لايغا يېقىلدى.[يەشمىسى:] ② توپىغا سامان، يۇڭ، سۇ ئارىلاشتۇرۇپ مەخسۇس ئېتىلگەن قۇرۇلۇش ماتېرىيالى:[مىسال:] لاي ئەتمەك. لاي قىلماق.  مەن نەق ئالتە ئاي قۇرۇلۇشتا لاي توشۇدۇم.

لاياقەت

  • لاياقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشقا لايىق ئىقتىدار، قابىلىيەت؛ سالاھىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قىلغۇدەك لاياقىتى يوق ئىدى.

لاياقەتسىز

  • لاياقەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لاياقىتى يوق، لاياقەتكە ئىگە ئەمەس:[مىسال:] لاياقەتسىز ئوقۇغۇچى.

لاياقەتسىزلىك

  • لاياقەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىقتىدارسىزلىق، قابىلىيەتسىزلىك.

لاياقەتلىك

  • لاياقەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لاياقىتى بار، لاياقەتكە ئىگە:[مىسال:] سەركە لاياقەتلەك بولسا، پادا خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىمايدۇ. سەركە لاياقەتسىز بولسا، ئۆزىنىمۇ، پادىنىمۇ خەۋپ-خەتەردە قويىدۇ. دېدى مەخسۇت مۇھىتى.

لايپاس

  • لايپاس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لۆم-لۆم، سۆرەلمە پالاس، ئېزىلەڭگۈ، قاشاڭ، مىلجىڭ، مىجىق.

لايچى

  • لايچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا لاي ئېتىش ۋە توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كىشى.

لايچىلىق

  • لايچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن لاي ئېتىش، لاي توشۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش لاي بىلەن ھەپىلىشىش ئىشى.

لايخورەك

  • لايخورەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تۇمشۇقى ئۇزۇن كېلىدۇ. كۆپىنچە پاتقاقلىقتا ياشايدۇ.

لايخۇش

  • لايخۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۈزۈك ئەمەس، لاي ئارىلاش، لېيىغان:[مىسال:] ئۇ دەم ئېلىۋالماقچى بولۇپ، يولنىڭ بويىدىكى قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان تېرەكنىڭ تۈۋىگە بېرىپ لايخۇش سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىقنىڭ بويىدىكى چىملىقتا ئولتۇردى.

لايسىمان

  • لايسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لايغا ئوخشاش، لايدەك، لاي ھالىتىدىكى:[مىسال:] لايسىمان ماددا.

لايغەزەل

  • لايغەزەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېزىلەڭگۈ، بوشاڭ، ھۇرۇن، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان لامزەللە، لەقۋا:[مىسال:] بىزگە ئۇنداق ھۇرۇن، لايغەزەل ئادەملەر كېرەك ئەمەس.

لايغەزەللەشتۈرمەك

  • لايغەزەللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «لايغەزەللەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇنداق قىلسىڭىز ئۇ بالىنى لايغەزەللەشتۈرۈپ قويىسىز.

لايغەزەللەشمەك

  • لايغەزەللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لايغەزەل بولۇپ قالماق؛ ھۇرۇن، بوشاڭ، ئىش خوشياقماس، ئېزىلەڭگۈ بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئەخمەت شۇ ئىشتىن كېيىن، قولىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلاپ ئۆزى بىلگەن يەرلەردە يۈرۈپ، لايغەزەللىشىپ كەتكەنىدى.

لايغەزەللىك

  • لايغەزەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىزىلەڭگۈلۈك، بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق، لەقۋالىق:[مىسال:] مېنڭچە، دېدى ئۇ سۆزىنى خۇلاسىلاپ، بىزنىڭ رەھبەرلىكىمىزدە ئوڭچىل لايغەزەللىك بار.

لايقا

  • لايقا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] كۆل، دەريا، سۇ ئامبىرى قاتارلىقلاردا چۆكۈپ قالغان سېغىز ياكى باشقا سۇيۇقلۇقلار سۈزۈلگەندە ئاستىغا چۆككەن توپا-چاڭ ۋە باشقا چۆكۈندىلەر. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لاي ياكى باشقا توپا-چاڭ قاتارلىقلار ئارىلىشىپ بۇلغانغان، لېيىغان:[مىسال:] لايقا سۇ.

لايلاتما

  • لايلاتما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] لايقا سۇنى تىندۇرۇپ، لايقىسىنى ئاستىغا چۆكتۈرۈپ تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان كۆلچەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لاي-قۇملار يىغىلىپ قالغان، لاي-قۇم تىنىپ قالغان:[مىسال:] لايلاتما يەر.

لايلاتماق

  • لايلاتماق[يەشمىسى:] «لايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەنىسىز ئۆتكەن بىھۇدە يىللار بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك ئۆمرۈمنى لايلىتىپ ئۆتتى.

لايلاشماق

  • لايلاشماق[يەشمىسى:] ① «لايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئىككىيلەن ئۆينىڭ تېمىنى لايلاشتى.[يەشمىسى:] ② سۈزۈكلۈكىنى يوقاتماق، لېيىماق:[مىسال:] ۋە لېكىن، بۇ جىددىي تالاش-تارتىشنىڭ چىقمىدى ئايىغى زادى ئۈزۈلۈپ. بۇ سىرلىق ۋەقەنىڭ كۆرۈنمىدى ھېچ تېگىمۇ. لايلاشقان سۇيى سۈزۈلۈپ.

لايلانماق

  • لايلانماق[يەشمىسى:] «لايلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يېڭى سېلىنغان ئوچاق لايلىنىپ بولدى.

لاي-لاي

  • لاي-لاي[يەشمىسى:] خامان ۋاقتىدا، ئەمگەكچى خەلق ئۆز ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ھەققىدە ئېيتقان قوشاقلار:[مىسال:] لاي-لاي ئېيتماق. لاي-لاي ناخشىسى.

لايلەمپە

  • لايلەمپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لاي+لەمپە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆينىڭ لاي بىلەن سۇۋالغان تورۇسى.

لايلىق

  • لايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە لاي بولغان، لاي ئارىلاشقان؛ لېيىغان:[مىسال:] لايلىق تاش ئېقىم. لايلىق يانار تاغ.

لايلىماق

  • لايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تام قاتارلىقلارنى لاي بىلەن سۇۋىماق، سىيپىماق؛ لاي سالماق:[مىسال:] ئۆينىڭ تېگىنى لايلىماق.[يەشمىسى:] ② لېيىماق، توپا-توزانلار بىلەن بۇلغىماق (سۇيۇق نەرسىلەر ھەققىدە).

لايىق

  • لايىق[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرا، ماس كېلىدىغان؛ مۇۋاپىق، مۇناسىپ، سازاۋەر:[مىسال:] ئۇ خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا لايىق. * ھەقىقىي ھۆرمەتكە لايىق ئادەم مەن ئەمەس، سىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باب، مۇۋاپىق:[مىسال:] لايىق ئادەم. ∥ لايىق كۆرمەك.* بۇ ماگىزىندا ماڭا لايىق كېلىدىغان كىيىم-كېچەك يوق ئىكەن. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېگىشلىك، ھەقلىق:[مىسال:] جازالاشقا لايىق. مۇكاپاتلاشقا لايىق.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزنىڭ تاللىغان يىگىتى ياكى يىگىتنىڭ تاللىغان قىزى، ئوبيېكتى:[مىسال:] لايىق ئىزدىمەك.* ئۇ قىزنىڭ لايىقى بار.

لايىقسىزلىق

  • لايىقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لايىق كەلمەسلىك، نامۇۋاپىقلىق.

لايىقلاشتۇرماق

  • لايىقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «لايىقلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لايىقلاشتۇرۇلماق

  • لايىقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «لايىقلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لايىقلاشتۇرۇشماق

  • لايىقلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «لايىقلشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لايىقلاشماق

  • لايىقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لايىق، ماس ھالەتكە كەلمەك؛ ماسلاشقان، ئۆزلەشمەك، ماس كەلمەك، كۆنمەك:[مىسال:] يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىز مۇشۇ چۆلگە لايىقلىشىپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىكەنمىز.

لايىقلىق

  • لايىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لايىق كېلىدىغان، مۇۋاپىق.

لايىقىدا

  • لايىقىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مۇۋاپىق، لايىق ھالدا؛ ئۆز يولىدا:[مىسال:] لايىقىدا گەپ قىلماق. لايىقىدا ئىش قىلماق.

لايىھە

  • لايىھە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆي-ئىمارەت، ماشىنا، تۈرلۈك شەكىلدىكى قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنى قۇرۇش ھەققىدە سىزىپ تەييارلانغان ئۈلگە؛ چېرتيوژ، خەرىتە.[يەشمىسى:] ② قارار، پەرمان، قانۇن قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ مۇھاكىمىگە قويۇش ئۈچۈن تەييارلانغان دەسلەپكى نۇسخىسى:[مىسال:] لايىھە تۈزمەك.

لايىھىچى

  • لايىھىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەت، ماشىنا قاتارلىقلارنىڭ چېرتيوژ، خەرىتىسىنى سىزغۇچى؛ لايىھە تۈزگۈچى.

لايىھىلەتمەك

  • لايىھىلەتمەك[يەشمىسى:] «لايىھىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇ ئامبىرىنى ئىنژېنېرغا لايىھىلەتتى.

لايىھىلەشمەك

  • لايىھىلەشمەك[يەشمىسى:] «لايىھىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئىككىسى بىرلىشىپ سېلىنماقچى بولغان تۇرار جاي قۇرۇلۇشىنى لايىھىلەشتى.

لايىھىلەنمەك

  • لايىھىلەنمەك[يەشمىسى:] «لايىھىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] سېلىندىغان كۆۋرۈك لايىھىلىنىپ بولدى.

لايىھىلىگۈچى

  • لايىھىلىگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «لايىھىچى»گە قاراڭ:[مىسال:] بۇ كىشى مۇشۇ قۇرۇلۇشنىڭ لايىھىلىگۈچىسى تۇرسۇن بولىدۇ، دەپ بىزگە بىر ئىنژېنېرنى تۇنۇشتۇردى.

لايىھىلىمەك

  • لايىھىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لايىھە تۈزمەك، لايىھە ئىشلىمەك:[مىسال:] قۇرۇلۇش لايىھىلىمەك.

لاييېگەك

  • لاييېگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لاي+يېگەك[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تېنى سىلىندىر شەكلىدە، قۇيرۇقى سەل ياپىلاق، تەڭگىچىسى كىچىك. شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى بولىدۇ. دۈمبىسى قارا ھەم سەپكۈنلۈك، قورساق قىسمى ئاق ياكى كۈل رەڭ كېلىدۇ، بېشى كىچىك ھەم ئۇچلۇق، ئېغىزدا بەش جۈپ قىلچىقى بولىدۇ. ئادەتتە كۆل-دەريا، سازلىق، سۇلۇق ئېتىز قاتارلىق جايلاردىكى لاي ئىچىدە ياشايدۇ.

لەئەل

  • لەئەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىزىل رەڭلىك ئېسىل تاش؛ قىزىل ياقۇت.

لەئەل-ياقۇت

  • لەئەل-ياقۇت[يەشمىسى:] لەئەل ۋە ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملار.

لەپ

  • لەپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تۇرنا، بۈركۈت قاتارلىق قۇشلارنىڭ لەرزان ئۇچقان ۋاقتىدىكى قانىتىنىڭ ۋە قىش پەسلىدىكى چوڭ-چوڭ چۈشكەن قارنىڭ ھەرىكەت ھالىتى.

لەپەر

  • لەپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] بىر جۈپ قىز يىگىت ئورۇندايدىغان ئۇسسۇللۇق ناخشا.

لەپەرچى

  • لەپەرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەپەر ئېيتىدىغان ئارتىس.

لەپەڭ

  • لەپەڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇ ياق-بۇ ياققا ئىرغىش، چايقىلىش، تەۋرىنىش ھالىتى.

لەپەڭ-لەپەڭ

  • لەپەڭ-لەپەڭ[يەشمىسى:] «لەپەڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لەپەڭلەتمەك

  • لەپەڭلەتمەك[يەشمىسى:] «لەپەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لەپەڭلەشمەك

  • لەپەڭلەشمەك[يەشمىسى:] «لەپەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لەپەڭلىمەك

  • لەپەڭلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇ ياققا-بۇ ياققا چايقالماق، داۋالغۇماق، لىڭشىماق، تەۋرەنمەك:[مىسال:] يەرگە چۈشتى لەپەڭلەپ، ئەسكى جۇۋا دولىدا. ئىككى توقاچ تىلەيمەن مەن خۇدانىڭ يولىدا.

لەپپىدە

  • لەپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «لەپ» قىلىپ، «لەپ» قىلغان ھالدا. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىردىنلا، دەرھاللا، ئۇشتۇمتۇت، تۇيۇقسىزلا:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆڭلىدە مۇشۇ خىيال لەپپىدە پەيدا بولۇپ يەنە تېزلا غايىب بولدى.

لەپشىتمەك

  • لەپشىتمەك[يەشمىسى:] «لەپشىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ساقىلىنى يەلپۈگۈچتەك لەپشىتىپ ئولتۇرۇپ، ھەۋەس بىلەن نان چايناشلىرىغا قاراپ تۇرۇپ بىردىنلا مېنىڭمۇ ئاشۇ ناندىن يېگۈم كېلىپ قالدى.

لەپشىرىن

  • لەپشىرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يا تاتلىق، يا ئاچچىق ئەمەس بىر خىل تەم.

لەپشىشمەك

  • لەپشىشمەك[يەشمىسى:] «لەپشىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لەپشىمەك

  • لەپشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] داۋالغۇماق، چايقالماق، تەۋرىمەك، لەپەڭلىمەك:[مىسال:] جىمجىت ۋە سالقىن ئورمان، لەپشىپ تۇرغان يېشىل ئوتلار ۋە خىلمۇخىل ئېچىلغان رەڭدار گۈللەر كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى.

لەپ-لەپ

  • لەپ-لەپ[يەشمىسى:] «لەپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لەپلىمە

  • لەپلىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭلەكنىڭ مۈرە، يەڭ، ئېتەكلىرىگە ياكى ئىشىك، دېرىزە پەردىلىرىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە لەپىلدەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۇتۇلغان تار بىر قەۋەت رەخت:[مىسال:] كۆڭلەكنىڭ لەپلىمىسى بىرئاز ئۇزۇن بولۇپ قاپتۇ. ∥ لەپلىمە كۆڭلەك.

لەپىلدەتمەك

  • لەپىلدەتمەك[يەشمىسى:] «لەپىلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شامال بايراقنى لەپىلدەتمەكتە.

لەپىلدەشمەك

  • لەپىلدەشمەك[يەشمىسى:] «لەپىلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لەپىلدىمەك

  • لەپىلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شامالغا ئەگىشىپ لەرزان يەلپۈنمەك، لەپ-لەپ قىلماق:[مىسال:] قىزىل بايراق لەپىلدىدى. * شۇ كۈنلەردە قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى.

لەت

  • لەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا يېڭىلىشتىن كېلىپ چىققان ئۇيىلىش تۇيغۇسى؛ مات، ئىزا، ئوسال:[مىسال:] لەت بولماق، لەت قىلماق.  دېسە لەت، دېمىسە دەرد (ماقال).

لەتىپە

  • لەتىپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] كۈلكىلىك ۋەقە-ھادىسە ھەققىدىكى كىچىك ھېكايە. ئۇ خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئاممىباب ژانېرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىيەتتىكى ناچار خاھىش، يامان قىلىق ۋە خىيانەتچى، پارىخور، جازانىخور، پەسكەش كىشىلەر پاش قىلىنىدۇ؛ خەلقنىڭ دانالىقى، سەزگۈرلۈكى ۋە تەدبىرچانلىقى ئىپادىلىنىدۇ:[مىسال:] نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى. سەلەي چاققان لەتىپىلىرى.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

لەتىپىچى

  • لەتىپىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەتىپە ئېيتىدىغان، لەتىپە ئېيتىشقا ئۇستا ئادەم.

لەتىپىلەشمەك

  • لەتىپىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لەتىپە تۈسىنى ئالماق، لەتىپە تۈسىگە كىرمەك:[مىسال:] تۆۋەندىكى لەتىپىلەشكەن چاقچاق بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

لەجۋە

  • لەجۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سىنكا.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] توق كۆك كەلگەن بىر خىل رەڭ.

لەختە

  • لەختە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇيۇپ قالغان قان پارچىسى:[مىسال:] يۈرىكىم بولدى لەختە خەتلىرىڭدىن، ماڭا سالغان ئېغىر كۈلپەت-دەردلىرىڭدىن.

لەختە-لەختە

  • لەختە-لەختە[يەشمىسى:] «لەختە» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] چىدىيالماي ئاخىرى قۇللۇققا قارشى قاينىدى ۋىجدان، جىگەر لەختە-لەختە ھەم يۈرەككە تولغان ئەردى قان.

لەخشە

  • لەخشە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پارە؛ سۇنغان، پارچە.

لەخشە-لەخشە

  • لەخشە-لەخشە[يەشمىسى:] پارە-پارە، پارچە-پارچە:[مىسال:] ئەگەر دەرھال ئېتىڭدىن چۈشۈپ ئەل بولمايدىغان بولساڭ، ئۇستىخىنىڭنى لەخشە-لەخشە، تېنىڭنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايمەن.

لەخمە

  • لەخمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يەر ئاستى يولى:[مىسال:] لەخمە ئۇرۇشى. لەخمە كولىماق.

لەخمىلەشتۈرمەك

  • لەخمىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «لەخمىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لەخمىلەشتۈرۈشمەك

  • لەخمىلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «لەخمىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لەخمىلەشتۈرۈلمەك

  • لەخمىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «لەخمىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لەخمىلەشمەك

  • لەخمىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لەخمە ھالىتىگە كەلمەك.

لەخمىلىك

  • لەخمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لەخمە ياسالغان، لەخمە قېزىلغان:[مىسال:] لەخمىلىك يول.

لەرزان

  • لەرزان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاستا، يېنىك سوققان، تەۋرەنگەن:[مىسال:] لەرزان شامال. لەرزان ئاھاڭ.

لەرزە

  • لەرزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۈچلۈك تەسىر نەتىجىسىدە يۈز بېرىدىغان قاتتىق تىترەش، قاتتىق سىلكىنىش؛ تىترەك؛ زىلزىلە:[مىسال:] لەرزىگە سالماق. لەرزىگە كەلمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ھاكىمىيەت، سىنىپ، تۈزۈم قاتارلىقلارغا بېرىلگەن قاتتىق زەربە؛ شۇلاردا كۆرۈلگەن مۇقىمسىزلىق، تەۋرىنىش، داۋالغۇش:[مىسال:] جانابىي سۇلتان ھازىر خاندانلىقنىڭ تەقدىرى ئېغىر لەرزىگە دۇچ كەلمەكتە.

لەززەت

  • لەززەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تەم، مەززە:[مىسال:] تاماقنىڭ لەززىتى. ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت كۆرىسەن. [يەشمىسى:] ② ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى، ھۇزۇر، زوق:[مىسال:] بىز مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ تازا لەززىتىنى سۈرۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىردىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدۇق.

لەززەتسىز

  • لەززەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① لەززىتى يوق، لەززەت بەرمەيدىغان، تاتلىق ئەمەس، تەمسىز:[مىسال:] لەززەتسىز تائام. لەززەتسىز مېۋە. لەززەتسىز نەرسە.[يەشمىسى:] ② ھۇزۇر-ھالاۋىتى، مەززىسى يوق؛ كۆڭۈلسىز، يېقىمسىز؛[مىسال:] لەززەتسىز تۇرمۇش.

لەززەتسىزلىك

  • لەززەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەززىتى يوقلۇق:[مىسال:] ھەرقانداق ئىشتا خەلققە باقماي سوغۇقچىلىق ۋە لەززەتسىزلىك كېلىپ چىقىشتىن ساقلان.

لەززەتلەنمەك

  • لەززەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لەززەت ئالماق، لەززەتكە ئېرىشمەك، لەززەت قىلماق:[مىسال:] تاماقنى لەززەتلىنىپ يېمەك. كىنونى لەززەتلىنىپ كۆرمەك.

لەززەتلىك

  • لەززەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەززىلىك، شېرىن؛ تاتلىق:[مىسال:] لەززەتلىك تاماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھۇزۇر-ھالاۋەت بېغىشلايدىغان، زوقلۇق، يېقىملىق:[مىسال:] لەززەتلىك ھايات. لەززەتلىك تۇرمۇش.

لەززەتلىنىشمەك

  • لەززەتلىنىشمەك[يەشمىسى:] «لەززەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لەزىز

  • لەزىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يېقىملىق؛ شېرىن، تاتلىق، لەززەتلىك:[مىسال:] نەقەدەر لەزىز-ھە، ئوقۇش ھاياتى

لەش

  • لەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لەش ئائىلىسىدىكى سۇدا ياشايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە كۆل، كۆلچەك قاتارلىق توختام سۇلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، يوپۇرمىقى لەيلىگۈچى يوپۇرماق ۋە سۇغا چۆككۈچى يوپۇرماق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، تۈۋىدە تەگ يوپۇرمىقى بولىدۇ. گۈلى كىچىك، گۈل رېتى باشاقسىمان كېلىدۇ لەشنىڭ شىنجاڭدا 15 خىل تۈرى بار.

لەشكەر

  • لەشكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قوراللىق قىسىم، ئارمىيە، ئەسكەر:[مىسال:] لەشكەر ئالماق.لەشكەر تارتماق. * ئىنتىزاملىق لەشكەر يېڭىلمەس (ماقال). * ئۆمەر باتۇر لەشكەرلەرنى باشلاپ جەڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپتۇ.

لەشكەرگاھ

  • لەشكەرگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] لەشكەرلەر تۇرىدىغان جاي، ئورۇن،

لەقەم

  • لەقەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مىجەز-خۇلقى، خۇسۇسىيىتى ياكى جىسمانىي جەھەتتىكى بىرەر بەلگىسىگە ئاساسەن كىشىلەر تەرىپىدىن قويۇلغان نام:[مىسال:] لەقەم قويماق. لەقەم سىڭمەك. لەقىمىنى ئاتىماق.[يەشمىسى:] ② تەخەللۇس:[مىسال:] مۇتەللىپنىڭ ئەدەبىي لەقىمى «قاينام ئۆركىشى» ئىدى.

لەقەمچى

  • لەقەمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەقەم قويغۇچى، لەقەم قويۇشقا ئۇستا كىشى.

لەقەملەنمەك

  • لەقەملەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لەقەم قويۇلماق، لەقەم بىلەن ئاتالماق:[مىسال:] بۇ خىل لەقەملەر ئارقىلىق ئادەتتە لەقەملەنگۈچىنىڭ ئاشۇ ھايۋان ياكى ئۇچار قاناتقا ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگىلىك بىر خۇسۇسىيىتى، مۇئەييەن ئالاھىدىلىكى مۇبالىغىلىك ھالدا ئىما قىلىنىدۇ.

لەقەملىك

  • لەقەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لەقىمى بار، لەقەم قويۇلغان، لەقەم سىڭگەن:[مىسال:] بۇ شەھەردە «جەرەن» لەقەملىك كىشىلەردىن مۇشۇ بىرىلا بولسا كېرەك.

لەقۋا

  • لەقۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كاللىسى تېز ئىشلەپ كەتمەيدىغان، ئەقلى كەم؛ كالۋا، دۆت:[مىسال:] نىياز نېمىدېگەن لەقۋا نەرسە ھە[يەشمىسى:] ② پالەچ، پالاكەت، زەئىپ:[مىسال:] ئۇ لەقۋا ئىكەن، تېز ماڭالمايۋاتىدۇ.

لەقۋالاشتۇرماق

  • لەقۋالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «لەقۋالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يا خۇشاللىق، يا ئەندىشىدىن دېرەك بەرمەيدىغان بىر خىل سېزىم زەيتونەمنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرماپ، پۇت-قولىنى لەقۋالاشتۇرۇپ قويدى.

لەقۋالاشتۇرۇشماق

  • لەقۋالاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «لەقۋالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لەقۋالاشتۇرۇلماق

  • لەقۋالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «لەقۋالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لەقۋالاشماق

  • لەقۋالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لەقۋا ھالەتكە كەلمەك، لەقۋا بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۆزۈڭنى تاشلىۋېتىپ مۇنداق يېتىۋەرسەڭ تېخىمۇ لەقۋالىشىپ كەتمەمسەن دېدى ئەمەت دۈيجاڭ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ.

لەقۋالىق

  • لەقۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئەقىلسىزلىق، كالۋالىق، دۆتلۈك:[مىسال:] لەقۋا دېگەن لەقۋالىقىنى قىلمامدۇ دېدى كىچىكئاخۇن.[يەشمىسى:] ② پالەچلىك، كۈچ-قۇۋۋەتسىزلىك، مادارسىزلىق، زەئىپلىك.

لەك

  • لەك[سۆز تۈركۈمى:] سان.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە>ھىن[[يەشمىسى:] 100 مىڭ؛ 10 تۈمەن:[مىسال:] ئۇنىڭغا يەنە گۈزەلشاھ ئەۋەتكەن بىرلەك ئەسكەر كېلىپ قوشۇلدى.

لەك-لەك

  • لەك-لەك[يەشمىسى:] يۈزمىڭلارچە، ناھايىتى كۆپ، سان-ساناقسىز، ھېسابسىز:[مىسال:] لەك-لەك ئادەم. لەك-لەك قوشۇن.

لەگلەك

  • لەگلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئويۇنچۇق. بامبۇك يېرىندىسى، چىغ بىلەن ياسالغان رامغا قەغەز ياكى شايىنى چاپلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئۈستىگە چىگىلگەن ئۇزۇن يىپنىڭ ئۇچىنى تۇتۇۋېلىپ، شامالنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئاسمانغا قويۇپ بېرىپ ئۇچۇرۇپ ئويناشقا بولىدۇ.

لەڭⅠ

  • لەڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئەسكەرلەرگە، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بېرىلىدىغان تەمىنات؛ ئاشلىق.

لەڭⅡ

  • لەڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] داۋالغۇپ، تەۋرىنىپ تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھالەت:[مىسال:] دېگەندۇ جىنازاڭ لەڭ ئۇرۇپ ئۆتكەندە يوللاردىن، «مىراس بىزگە ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئارمان» ئۆزۈڭ نەدە

لەڭپۇڭ

  • لەڭپۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىر خىل يېمەكلىك، ئادەتتە سۇدا قاينىتىپ ئۇيۇتۇلغان پۇڭمەنزە ئۈستىگە ئاچچىقسۇ، لازا قاتارلىقلارنى سېلىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.

لەڭپۇڭچى

  • لەڭپۇڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەڭپۇڭ ئويۇتقۇچى ھەم لەڭپۇڭ ساتقۇچى ئادەم.

لەڭپۇڭچىلىق

  • لەڭپۇڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەڭپۇڭ ئۇيۇتۇپ سېتىش كەسپى:[مىسال:] ئەتىياز پەسلىدە ئۇ بىرنەچچە ۋاقىت چوڭ كوچىدىكى بازارنىڭ دوقمۇشىدا لەڭپۇڭچىلىق قىلدى.

لەڭزە

  • لەڭزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] گازارما.

لەڭگەرⅠ

  • لەڭگەرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] كېمىنى بىر جايدا توختىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن، زەنجىرگە بېكىتىپ سۇ ئاستىغا تاشلىنىدىغان چاڭگاكسىمان ئېغىر تۆمۈر.

لەڭگەرⅡ

  • لەڭگەرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يولوچىلار سەپەر ئۈستىدە قونۇپ ئۆتىدىغان جاي؛ ئۆتەڭ.

لەڭگەرچى

  • لەڭگەرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆتەڭ ئىگىسى؛ دەڭجا.

لەڭڭىدە

  • لەڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «لەڭ» قىلغان ھالدا، «لەڭ» قىلىپ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىردىنلا، تېزلا:[مىسال:] ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بويى لەڭڭىدە ئۆسۈپ كەتتى-دە، ۋالىبولنى يامان ئەمەس ئوينايدىغان بولۇپ قالدى.

لەڭ-لەڭ

  • لەڭ-لەڭ[يەشمىسى:] «لەڭⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لەڭمەن

  • لەڭمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماقنىڭ بىر تۈرى. ئادەتتە بۇغداي ئۇنىدىن يۇغۇرۇلغان خېمىر قول بىلەن سوزۇلۇپ ياكى ئېشىلىپ، سۇدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئۈستىگە قورۇما سېلىپ يېيىلىدۇ.

لەڭمەنتاقتاق

  • لەڭمەنتاقتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لەڭمەن+تاقتاق[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى. بېشى ئۆي چاشقىنىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، قۇلىقى چوڭ، ئارقا پۇتى ۋە قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن، ئالدى پۇتى قىسقا ھەم سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ. تۈكلىرى كۆپ ھاللاردا سېرىق ياكى قوڭۇرغا مايىل كۈل رەڭ بولىدۇ. چۆل-جەزىرە ياكى ئوتلاقلاردا ئۇۋا كولاپ ياشايدۇ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ، ئوت-چۆپ يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ.

لەڭمەنخانا

  • لەڭمەنخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس لەڭمەن ساتىدىغان ئاشخانا.

لەلەڭ

  • لەلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] لاغايلاپ بىكار يۈرۈش ھالىتى.

لەلەڭلەتمەك

  • لەلەڭلەتمەك[يەشمىسى:] «لەلەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لەلەڭلەشمەك

  • لەلەڭلەشمەك[يەشمىسى:] «لەلەڭلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لەلەڭلىمەك

  • لەلەڭلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇ ياق-بۇ ياققا دوقۇرۇپ، لاغايلاپ يۈرمەك، بىكار يۈرمەك:[مىسال:] يۇقىرى سىنىپتا ئوقۇيدىغان چوڭ بالىلاردىن تەشكىل قىلىنغان «ئىسيانچىلار» مەكتەپكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، لەلەڭلەپ يۈرەتتى.

لەمبۇق

  • لەمبۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختىدىن توقۇلغان بىر خىل گەزلىمە، رەخت.

لەمپە

  • لەمپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆل-يېغىن ۋە ئاپتاپنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆي-ئىمارەتنىڭ ماڭلىيىغا ياكى ھويلىنىڭ ئىچىگە چىقىرىلغان سايىۋەن؛ لاپاس.

لەمپىلىك

  • لەمپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لەمپىسى بار، لەمپە قىلىنغان:[مىسال:] لەمپىلىك ھويلا.

لەنەت

  • لەنەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەچۈرۈشكە بولمايدىغان ئەيىبى، قەبىھ ھەرىكىتى، ئېغىر گۇناھى ئۈچۈن بىلدۈرگەن قاتتىق قارغىش؛ نەپرەت:[مىسال:] لەنەت ئوقۇماق. لەنەت ياغدۇرماق. لەنەتكە قالماق.

لەنەتگەردى

  • لەنەتگەردى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «لەنىتىي»گە قاراڭ.

لەنەتلەنمەك

  • لەنەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] للەنەت-نەپرەتكە، قارغىشقا ئۇچرىماق؛ ھاقارەتلەنمەك:[مىسال:] كىمكى چېكىنسە لەنەتلىنىدۇ. ئەبەدىي سۆيۈملۈك ئەل ۋە ۋەتەندىن

لەنەتلىك

  • لەنەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لەنەت ئوقۇشقا، قارغىشقا، نەپرەت ياغدۇرۇشقا تېگىشلىك؛ نەپرەتلىك:[مىسال:] بۇ لەنەتلىك ئۆتمۈشنىڭ ئىز تامغىسى كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدىن ئۆچۈشى مۇمكىنمىدى

لەنەت-نەپرەت

  • لەنەت-نەپرەت[يەشمىسى:] لەنەت ۋە نەپرەت.

لەنىتىي

  • لەنىتىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىراۋنىڭ لەنىتىگە، قارغىشىقا دۇچار بولغان، لەنەتلەنگەن، بەتبەخت، ئەبلەخ:[مىسال:] ھۇ، ئادەم بولمىغان لەنىتى ئەسلىدە بالانىڭ بېشى سەن ئىكەنسەن-دە قاراپ تۇرۇپ شۇنداقمۇ قىلغۇلۇقمۇ[يەشمىسى:] ② بېشىنى يەيدىغان، قارغىش تەگكۈر، ئۆلگۈر، شورى قۇرغۇر؛ قەبىھ، قاباھەتلىك؛ لەنەتگەردى:[مىسال:] لەنىتى كونا جەمئىيەت.

لەھەت

  • لەھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قەبرىنىڭ ئىچكى قىسمى، جەسەت قويۇلىدىغان جاي؛ ئىچ گۆر:[مىسال:] كىم ئىلىمنى يار تۇتسا، خار بولمايدۇ ئەبەدكە. ئۆلگەندىمۇ كۆمۈلمەس، روھى ئۇنىڭ لەھەتكە.

لەھەڭ

  • لەھەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «ئاكۇلا»غا قاراڭ.

لەھجە

  • لەھجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] «شېۋە»گە قاراڭ.

لەھزە

  • لەھزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتىدىغان ۋاقىت، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت:[مىسال:] مۇئەللىم ئاستىلاپ توختىدى سۆزدىن، بىر لەھزە ئارىغا چۆكتى سۇكۇنات. چۈشەندىم، ئۆمۈرگە مېھمان ئەمەس بىز، كۈرەشنىڭ سەھنىسى ئىكەن بۇ ھايات

لەۋ

  • لەۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى بەزى ھايۋانلار ئېغىزىنىڭ چۆرىسىدىكى مۇسكۇل توقۇلمىسى، كالپۇك:[مىسال:] لېۋىنى چىشلىمەك. لەۋ تاۋۇشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چەت، ياقا، گىرۋەك؛ قىرغاق:[مىسال:] سۇپىنىڭ لېۋى. كۆلنىڭ لېۋى. بىزدىن تەخمىنەن 200 مېتىر يىراقلىقتا ئۆستەڭنىڭ لېۋىدە بىر قىز بىر نەرسىگە قاراپ ئېڭىشىپ تۇراتتى.

لېۋىنى چىشلىمەك

  • لېۋىنى چىشلىمەك[يەشمىسى:] ① سەۋر قىلماق، تاقەت قىلماق، چىدىماق:[مىسال:] ئاچچىقىڭ كەلسە، لېۋىڭنى چىشلە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئارزۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەسلىك، ھەسرەت-نادامەت چەكمەك، نادامەت قىلماق؛ قاتتىق پۇشايمان قىلماق:[مىسال:] «كىشىنىڭ يېرىگە ئىشلەپ، قالدىم لېۋىمنى چىشلەپ»؛ دېگەن كەبى دەرد-ھەسرەت ئەمدى بىزدىن بەك يىراق.

لەۋەن

  • لەۋەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شېرىن سۆز، گېپى تاتلىق؛ يېقىملىق، گۈزەل:[مىسال:] چولپان بەئەينى تاڭ ئاسمىنىدا پارلىغان چولپان يۇلتۇزنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئاجايىپ لەۋەن ئىدى.

لەۋەنلەشمەك

  • لەۋەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۆزى تاتلىق، ئۆزى يېقىملىق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ماڭا ئۇ كۈندىن-كۈنگە لەۋەنلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

لەۋەنلىك

  • لەۋەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈزەللىك، جەزبىدارلىق.

لەۋەي

  • لەۋەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان چاقىرىققا «ھە، ھەئە، خوش» دېگەن مەنىلەردىكى ھۆرمەت جاۋابى:[مىسال:] مۇھەممەدجان دېدى دادىسى بالىسىنى چاقىرىپ، لەۋەي دادا، دېدى ئوغلى ھايال قىلمايلا.[يەشمىسى:] ② «نېمە، نېمە دەيسەن» دېگەن مەنىدىكى سوراقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] لەۋەي، يەنە بىر قېتىم دەڭا.

لەۋەي-لەۋەي

  • لەۋەي-لەۋەي[يەشمىسى:] «لەۋەي» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] دۈم-دۈم، -لەۋەي-لەۋەي. ئاتاڭ نەدە سامانلىقتا.

لەۋ-چىش

  • لەۋ-چىش[يەشمىسى:] لەۋ ۋە چىش:[مىسال:] لەۋ-چىش تاۋۇشى.

لەۋز

  • لەۋز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① گەپ، سۆز:[مىسال:] ھەم ئانامنىڭ كۆز يېشى، لەۋزى ئۈچۈن، ئالدىدا پەرزەنتلىك، قەرزىم ئۈچۈن[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەرگەن ۋەدە ئەھدە:[مىسال:] لەۋزىدە تۇرماق. لەۋزىدىن يېنىۋالماق.* ئادەم ئەمەس لەۋزىدىن يانغان، ئۆز خەلقىدىن، يۇرتىدىن تانغان.

لەۋلەشتۈرمەك

  • لەۋلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «لەۋلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لەۋلەشتۈرۈلمەك

  • لەۋلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «لەۋلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لەۋلەشمەك

  • لەۋلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لەۋلەر ئۆزئارا دۈگىلەكلەنمەك؛ لەۋلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھاسىل بولماق:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلىدا «ئا، ئە، ئې، ئى» سوزۇق تاۋۇشلىرى لەۋلەشمەيدۇ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ سوزۇق تاۋۇشلىرى لەۋلىشىدۇ.

لەۋھە

  • لەۋھە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئالاھىدە ياخشى نەتىجە ياراتقان، مۇسابىقىدە ئۇتقان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە خاتىرىلەش، تەقدىرلەش ھەققىدىكى سۆزلەر يېزىلغان بايراقچە، بايراق شەكلىدىكى چۇچىلىق رەخت:[مىسال:] لەۋھە تەقدىم قىلماق.

لەيسىلىمەك

  • لەيسىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نېپىزلىمەك.

لەيلەتمەك

  • لەيلەتمەك[يەشمىسى:] «لەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئالىم ئۇ يەردە ئىككى قولىدا ئىككى شارنى لەيلەتكىنىچە، ئوغلاقتەك سەكرەپ يۈگۈرۈۋاتاتتى.

لەيلەشمەك

  • لەيلەشمەك[يەشمىسى:] «لەيلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاسماندا قاپقارا بۇلۇتلار لەيلىشىپ يۈرەتتى.

لەيلەك

  • لەيلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئۇل<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. تەن شەكلى تورنىلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تۇمشۇقى ئۇزۇن لېكىن تۈز، پەيلىرى كۈل رەڭ، ئاق ياكى قارا رەڭلىك كېلىدۇ. سۇ بويىدا ياشايدۇ، بېلىق ۋە راكلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ئاق لەيلەك.

لەيلى

  • لەيلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لەيلىگۈل.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

لەيلى-رەيھان

  • لەيلى-رەيھان[يەشمىسى:] لەيلى ۋە رەيھان:[مىسال:] تاغلىرىڭنىڭ ساپ ھاۋاسى تەنگە بېغىشلار ھۇزۇر، ھەتتا ھەر بىر گىياھىڭمۇ لەيلى-رەيھاندۇر ماڭا.

لەيلىقازاق

  • لەيلىقازاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لەيلى+قازاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غوزا مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ. تەمى ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ، سەل قېرىق، تىلنى قورۇيدۇ، تەبىئىتى سەل سوغۇق، زەھەرلىك. ئاغرىقنى باسىدۇ، يۆتەلنى، ھاسىراشنى ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

لەيلىگەك

  • لەيلىگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتلارنىڭ بىر ئائىلىسى. ئارا لىچىنكىسى سۇدا بىر يىلدىن بەش-ئالتە يىلغىچە ياشايدۇ. يېتىلگىنىدە ئىككى جۈپ قانات بار. قۇيرىقىدا ئىككى ياكى ئۈچ تال يىپسىمان قىلچىقلىرى بار. يېتىلگىنى دائىم سۇ ئۈستىدە ئۇچىدۇ. ئۆمرى قىسقا بولۇپ، بىرقانچە سائەتتىن بىر ھەپتىگىچە بولىدۇ.

لەيلىگۈچ

  • لەيلىگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇنىڭ ئېگىز-پەسلىكىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىدىغان لەيلىمە بەلگە.

لەيلىگۈچلۈك

  • لەيلىگۈچلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لەيلىگۈچ ئورنىتىلغان، لەيلىگۈچكە ئىگە.

لەيلىگۈچى

  • لەيلىگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇدا لەيلەپ تۇرىدىغان، لەيلەپ يۈرۈپ ھايات كەچۈرىدىغان:[مىسال:] لەيلىگۈچى جانلىقلار.

لەيلىگۈل

  • لەيلىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ①]لەيلى+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى دورا بولىدۇ. زەھەرنى قايتۇرۇش، يىرىڭلارنى چىقىرىش، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلىش رولى بار. قارا لەيلىگۈل (قارىگۈل) بوياق قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

لەيلىمە

  • لەيلىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لەيلەپ تۇرىدىغان، چۆكمەيدىغان:[مىسال:] لەيلىمە كۆۋرۈك.

لەيلىمەك

  • لەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇغا چۆكۈپ كەتمەي، سۇغا چىلىشىپ سۇ ئۈستىدە تۇرماق:[مىسال:] سۇ ئۈستىدە لەيلىمەك. * ئالما ئاتسام دەرياغا لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ، سەن يارىمنىڭ ئوتلىرى لاۋۇلدايدۇ ئۆچمەيدۇ.[يەشمىسى:] ② ھاۋا بوشلۇقىدا چۈشۈپ كەتمەي ياكى تېز كۆتۈرۈلۈپ كەتمەي ئاستا ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] ھاۋادا لەيلىمەك. قۇرۇپ بېغىدىن ئۈزۈلگەن يۇپۇرماقلار يېنىك شامالدا ئاستا لەيلەپ يەرگە قونىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېچبىر ئىش قىلماي، لاغايلىماق، لەلەڭشىمەك، بىكار يۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ھەمىشە ئىشلىمەي لەيلەپ يۈرىدۇ.

لوبا

  • لوبا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن شىزاڭ رايونىغا ئولتۇراقلاشقان

لوبېلىيە

  • لوبېلىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<ممان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئوتى دورا بولىدۇ. يىلان چاققاننى ياكى چاقىلارنى داۋالايدۇ.

لوپ

  • لوپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] لوق گۆش، ئاياللار كۆكسى قاتارلىقلارنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر چۈشۈپ تۇرۇش ھالىتى.

لوپا

  • لوپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كۆپۈنكى لىنزىلارنىڭ ئورتاق نامى.

لوپ-لوپ

  • لوپ-لوپ[يەشمىسى:] «لوپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لوپولىت

  • لوپولىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماگما جىنس قاتلىمى ئارىسىغا بۆسۈپ كىرگەندە، جىنس قاتلىمىنىڭ مەركىزىي قىسمى ماگمىنىڭ تۇرغۇن ھالەتتىكى بېسىمىغا ئۇچراپ شەكىللىنىدىغان تېگى قانىتى ئولتۇرۇشقان داسسىمان جىنس. ئۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. ئايرىم چوڭلىرى ئۇلترا ئاساسىي جىنس بولۇپ، دىئامېتىرى نەچچە ئون كىلومېتىردىن نەچچە يۈز كلومېتىرغا يېتىدۇ.

لوپۇلداتماق

  • لوپۇلداتماق[يەشمىسى:] «لوپۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لوپۇلداشماق

  • لوپۇلداشماق[يەشمىسى:] «لوپۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لوپۇلدىماق

  • لوپۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لوپ-لوپ» قىلماق، «لوپ-لوپ» قىلىپ ھەرىكەت قىلماق.

لوت

  • لوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گۈل[[يەشمىسى:] دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئولچەيدىغان ئەسۋاب:[مىسال:] پارىژ ھەقىقەتەن بىر چوڭقۇر دېڭىز. بۇ دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى لوت تاشلىغاندىمۇ ئۆلچەپ چىققىلى بولمايدۇ.

لوخو

  • لوخو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقنىڭ بىر تۈرى. تېنى چوڭ، باش تەرىپى يوغان، قۇيرۇق تەرىپى ئىنچىكە كېلىدۇ. دۈمبە قىسمىدا قارا داغلىرى بولۇپ، قورساق تەرىپى ئازراق ئاق كېلىدۇ. تۆت تال بۇرۇتىنىڭ ئىككىسى ئاجىز بولىدۇ.

لورروپتالۇم

  • لورروپتالۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ھامامېلىس چاتقىلى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. شاخلىرى ۋە يوپۇرمىقىدىن كاشتان يېلىمى ئاجرىتىپ ئالغىلى، ئۇرۇقىدىن ماي تارتقىلى بولىدۇ.

لوزۇڭ

  • لوزۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① كونا جەمئىيەتتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدىكى مەنسەپ نامى:[مىسال:] لوزۇڭ بولماق.[يەشمىسى:] ② شۇ مەنسەپكە ئېرىشكەن شەخس.

لوزۇنكا

  • لوزۇنكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] تەشۋىق-تەرغىبات شوئارلىرى، يىغىن نامى قاتارلىقلار يېزىلغان رەخت ياكى باشقا نەرسىلەر.

لوغۇلدىماق

  • لوغۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لاۋۇلدىماق، يېلىنجىماق.

لوقⅠ

  • لوقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ماي ۋە گۆشى جىق، سېمىز، گۆشلۈك:[مىسال:] لوق گۆش، گۆشنىڭ لوق يېرىدىن ئالماق.

لوقⅡ

  • لوقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بەدەننىڭ مەلۇم جايىنىڭ لوقۇلداپ ئاغرىش ھالىتى ۋە شۇنداق ئاغرىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان بىر خىل سېزىم.

لوقشىماق

  • لوقشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لوق-لوق» قىلماق، لوقىلدىماق.

لوق-لوق

  • لوق-لوق[يەشمىسى:] «لوقⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] لوق-لوق قىلىپ ئاغرىماق.

لوقما

  • لوقما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئېغىزغا بىر قېتىمدىلا سىغىدىغان يېمەك پارچىسى؛ بىر چاينام، بىر كاپام:[مىسال:] بىر لوقما گۆش.* كىشىنىڭ ئېغىزىغا سالغان لوقمىسىغا كۆز سالما. كىشىنىڭ قولىدىكى لوقمىسىغا قاراش ناھايىتى چوڭ ئەيىبتۇر. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ سۆزى ئاياغلاشماي تۇرۇپ باشقىلار تەرىپىدىن قىستۇرۇلغان سۆز:[مىسال:] باۋۇدۇن ئاكا، راستىنى ئېيتسام، دەپ تاغىسىنىڭ گېپىگە لوقما سالدى ئابدۇغېنى.

لوقۇلداتماق

  • لوقۇلداتماق[يەشمىسى:] «لوقۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لوقۇلدىماق

  • لوقۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لوق-لوق» قىلماق، سانجىپ-سانجىپ ئاغرىماق (بەدەننىڭ قاتتىق ئاغرىشى ھەققىدە):[مىسال:] تەلئەتنىڭ يۈزىنىڭ يېرىمى داكا بىلەن تېڭىلغان بولۇپ لوقۇلداپ ئاغرىيتتى.

لوكⅠ

  • لوكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ياغاچ قۇلۇپنىڭ تىلى؛ تاقاقنىڭ ئۇچى.

لوكⅡ

  • لوكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① تۆگە ماڭغاندا، بولۇپمۇ تېز يۈرگەن چاغدىكى لوككىسىنىڭ ھەربىر سىلكىنگەن قوپال ھالىتى:[مىسال:] تۆگە يۈگۈرگەندە ئۇنىڭ لوككىسى لوك، لوك قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② بەزى ئادەملەر ئىتتىكرەك ماڭغان ياكى ئاستىراق يۈگۈرگەندىكى قوپال ھەرىكەت ھالىتى.

لوكتا

  • لوكتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۆگە.

لوكدان

  • لوكدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دەرۋازا، ئىشىك قاتارلىقلارنى تاقاش ئۈچۈن ئورنىتىلغان تاقاق؛ ياغاچ قۇلۇپ:[مىسال:] بارات، ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىغانمىدىڭ زەنجىرلەنگەن دەھلىز ئۆينىڭمۇ لوكداننى چۈشۈرگەنىدىم.

لوككا

  • لوككا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئۆركەش»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ تۆگىنىڭ تىك ئىككى لوككىسى ئوتتۇرىسىدا خۇددى مىخلاپ قويغان قورچاقتەك مىدىرلىماي ئولتۇراتتى.

لوككىدە

  • لوككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «لوك» قىلىپ، «لوك» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ، ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالى قالمىغانلىقتىن «لوككىدە» زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى-دە، خۇنۈك كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە رەپىق ئاكىنىڭ ئارقىسىدىن يىغلامسىراپ قاراپ قالدى.

لوككىلىق

  • لوككىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لوككىسى بار:[مىسال:] بىر لوككىلىق تۆگە.

لوك-لوك

  • لوك-لوك[يەشمىسى:] «لوكⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لوكۇلداتماق

  • لوكۇلداتماق[يەشمىسى:] «لوكۇلدىماق» پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لوكۇلداشماق

  • لوكۇلداشماق[يەشمىسى:] «لوكۇلدىماق»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لوكۇلدىماق

  • لوكۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لوك-لوك» قىلىپ ماڭماق، «لوك-لوك» قىلماق:[مىسال:] ئېگىز-پەسلىكتە تۆگە ئۇزۇن پۇتلىرىنى تاشلاپ يۈگۈرگەندە، ئۇنىڭ لوككىسىمۇ تەڭلا لوكۇلدايتتى.

لوگارىفما

  • لوگارىفما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئەگەر (a≠1)ak=b بولسا، ئۇ ھالدا k دېگىنىمىز a نى ئاساس قىلغان b نىڭ لوگارىفمىسى بولىدۇ ۋە logab=k قىلىپ يېزىلىدۇ. ئادەتتە 10 نى ئاساس قىلغان لوگارىفما ئونلۇق لوگارىفما دىيىلىدۇ ۋە «lg» بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا (2.82817...)e نى ئاساس قىلغان لوگارىفمىمۇ بار. بۇ خىل لوگارىفما تەبىئىى لوگارىفما دىيىلىدۇ ۋە «ln»بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

لوگارىفمىلاتماق

  • لوگارىفمىلاتماق[يەشمىسى:] «لوگارىفمىلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لوگارىفمىلانماق

  • لوگارىفمىلانماق[يەشمىسى:] «لوگارىفمىلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لوگارىفمىلىق

  • لوگارىفمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لوگارىفمىغا ئائىت؛ لوگارىفما پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان:[مىسال:] لوگارىفمىلىق تەڭلىمە. لوگارىفمىلىق گەز.

لوگارىفمىلىماق

  • لوگارىفمىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] لوگارىفما ھالىتىگە كەلتۈرمەك، لوگارىفما بەلگىسى ئىچىگە ئالماق.

لوگىكا

  • لوگىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① تەپەككۇر شەكلى ۋە تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن:[مىسال:] فورمال لوگىكا. دىئالېكتىكىلىق لوگىكا.[يەشمىسى:] ② ئوبيېكتىپ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى:[مىسال:] تۇرمۇش لوگىكىسى.[يەشمىسى:] ③ تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرى:[مىسال:] پىكىر لوگىكىسى.  بۇ پىكىر لوگىكىغا سىغمايدۇ.

لوگىكىشۇناس

  • لوگىكىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لوگىكا ئىلمى بويىچە مۇتەخەسسىس، ئالىم.

لوگىكىشۇناسلىق

  • لوگىكىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لوگىكىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان پەن.

لوگىكىلىق

  • لوگىكىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لوگىكىغا ئائىت؛ لوگىكا قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغان؛ مەنتىقىي:[مىسال:] لوگىكىلىق كاتېگورىيە. لوگىكىلىق قانۇنىيەت. لوگىكىلىق خۇلاسە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئۆز خىسلىتىدىن، خاراكتېرىدىن، ئۆز ئىچكى قانۇنىيەتلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان؛ زۆرۈرىي، قانۇنىي:[مىسال:] لوگىكىلىق باغلىنىش.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] نەرسىنىڭ تەپەككۈر جەريانىدىكى ئىنكاسى.

لوڭ

  • لوڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بەزى ئادەملەرنىڭ ئىككى مۈرىسىنى بىر كۆتۈرۈپ بىر چۈشۈرۈپ مېڭىش ھالىتى.

لوڭقا

  • لوڭقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① گۈل سېلىپ قويۇلىدىغان بىر خىل قاچا. ئاغزى كىچىك، بوينى ئىنچىكە ھەم قورسىقى چوڭ كېلىدۇ. ئادەتتە فارفوردىن ياسىلىدۇ:[مىسال:] گۈل لوڭقىسى. لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىسى.[يەشمىسى:] ② تېبابەتچىلىكتە ئىشلىتىدىغان بىر خىل كىچىك كوزا:[مىسال:] لوڭقا قويۇش.

لوڭڭىدە

  • لوڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «لوڭ» قىلىپ، «لوڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] قىسمەت چورۇق ئورنىدىن لوڭڭىدە تۇرۇپ، گۈس-گۈس دەسسەپ مېڭىپ، يىغىن سەھنىسىگە چىقتى.

لوڭ-لوڭ

  • لوڭ-لوڭ[يەشمىسى:] «لوڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە ئايرىلغان كىتابلارنى قول ھارۋىغا بېسىشىنى بۇيرۇدى-دە، لوڭ-لوڭ دەسسەپ باغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

لوڭىلدىماق

  • لوڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لوڭ-لوڭ قىلىپ ماڭماق:[مىسال:] ھەي، لوڭۇلداپ نەگە بارىسەن دەپ سورىدى ئەركىن ئۇنىڭدىن.

لوڭيەن

  • لوڭيەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سوپۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. مىۋىسى شارسىمان يېيىشكە بولىدۇ، تەمى تاتلىق، دورىغا قوشۇشقىمۇ بولىدۇ، قۇۋەتلەندۈرگۈچى دورا ھېسابلىنىدۇ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

لولا

  • لولا[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىگانلارغا مەنسۇپ كىشى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇغەمبەر، ھىيلىگەر، قۇۋ، ھەييار:[مىسال:] لولا ئادەم. * ھە، نېمە ئىشىڭىز بار دېدىم مەن ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب بەرمەيلا، كۆڭلۈمدە بولسا «ۋاييەي، سېنىڭدەك لولا قەلەندەرلەرنى جىق كۆرگەنمەن» دەپ ئويلايتتىم.

لولىلىق

  • لولىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىيلىگەرلىك، ھەييارلىق، قوۋلۇق؛ مۇغەمبەرلىك:[مىسال:] «قارا بۇنىڭ لولىلىقىنى»دېدىم ئىچىمدە.

لوم

  • لوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ياكى ھەر ئىككى ئۇچى ئۇچلانغان، ئۇزۇن، يۇمىلاق توم تۆمۈر؛ لوم تۆمۈر.

لومودى

  • لومودى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تېپىشتۇرغۇچى دەللال. دەللە.

لويلا

  • لويلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تۈز، يوپۇرمىقى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى سارغۇچ يېشىل. يۇمران يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

لويى

  • لويى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] خوجا، بەگ، تۆرە.

لويىلىق

  • لويىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لويىلاردا بولىدىغان قىلىق، خۇسۇسىيەت:[مىسال:] بۇ ۋابا ئىلاھىنىڭ مىكروبىغا يولۇققان بەزى كادىرلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىنمۇ لويىلىق چىقىپ تۇرىدۇ.

لۇشيەن

  • لۇشيەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىدىيە، سىياسىي ياكى خىزمەت جەھەتلەردىكى مېڭىشقا تېگىشلىك تۈپ يول:[مىسال:] ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش.

لۇغەت

  • لۇغەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر تىلدىكى سۆزلەرنى توپلام ھەم مەلۇم تەرتىپتە (ئادەتتە ئالفاۋىت تەرتىپىدە) رەتلەپ، ئىزاھلاپ ياكى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن كىتاب:[مىسال:] ئىزاھلىق لۇغەت. خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت.[يەشمىسى:] ② تىلدىكى بارلىق سۆزلەر، سۆز زاپىسى، سۆز بايلىقى:[مىسال:] لۇغەت بايلىقى. لۇغەت سوستاۋى. لۇغەت تەركىبى.

لۇغەتچى

  • لۇغەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لۇغەت تۈزگۈچى كىشى.

لۇغەتچىلىك

  • لۇغەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] لۇغەت تۈزۈش ئىشى، كەسپى.

لۇغەتشۇناس

  • لۇغەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] لۇغەت تۈزۈش مۇتەخەسىسى، ئالىمى.

لۇغەتشۇناسلىق

  • لۇغەتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىلشۇناسلىقنىڭ لۇغەتچىلىك مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تارمىقى.

لۇمىنال

  • لۇمىنال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا، يەنى ئورگانىك بىرىكمە، مولىكۇلا فورمۇلىسى C12H22O3N2. ئاق رەڭلىك پارقىراق كرىستال، تەمى قېرىقراق. چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ رولىنى چەكلەيدۇ، ئاز بىر قىسمى تىنچلاندۇرغۇچى دورا، يەنە بىر قىسمى ئۇيقۇ دورىسى قىلىنىدۇ، بۇنىڭ تەسىر قىلىش ۋاقتى ئۇزۇنراق.

لۇنخۇر

  • لۇنخۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. تېنى كىچىك، تۇمشۇقى كونۇس شەكلىدە كېلىدۇ. توپلىشىپ ياشايدۇ. زىرائەت دانلىرى ۋە ھاشاراتلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ. دېھقانچىلىققا زىيانلىق.

لۆت

  • لۆت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتلەس، ماتا قاتارلىق توقۇمچىلىق ئىشلىرىدا ئۆرۈشنىڭ تەۋەرىدىن چىققان ھەر 16 تال ياكى 20 تال يىپنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى.

لۆجە

  • لۆجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لەش؛ سۇدا يىغىلىپ كاللەك بولۇپ ئېقىپ كەلگەن لەش، غازاڭ، چاۋار-چاتقال قاتارلىقلار.

لۆڭگە

  • لۆڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پاختا يىپتىن تىۋىت چىقىرىپ توقۇلغان، يۈز، قول، بەدەننى سۈرتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تازىلىق بۇيۇمى.

لۆم

  • لۆم[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يۇمشاق، ئېلاستىكىلىق نەرسىلەرنىڭ بىر بېسىلىپ-بىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇش ھالىتى.

لۆمشىتمەك

  • لۆمشىتمەك[يەشمىسى:] «لۆمشىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لۆمشىمەك

  • لۆمشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لۆم-لۆم قىلماق، بىر بېسىلىپ-بىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرماق:[مىسال:] كونا جەمئىيەتتىكى پاتقاق لۆمشىپ تۇرغان كوچىلار يىغىن ئەھلىنىڭ كۆز ئالدىدا ئايان بولۇشقا باشلىدى.

لۆم-لۆم

  • لۆم-لۆم[يەشمىسى:] ① «لۆم» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بوشاڭ، ئەزمە:[مىسال:] مۇنداق لۆم-لۆم بىلەن ئىشنى باشقا ئاچىققىلى بولمايدۇ.

لۆممىدە

  • لۆممىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «لۆم» قىلىپ، «لۆم» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ھەبىبەمنىڭ تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش لۆممىدە ئېتىلىپ چىقتى.

لۆمۈلدەتمەك

  • لۆمۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «لۆمۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆزلىرىڭنى لۆمۈلدىتىپ، نېمىگە قاراپ تۇرىسەن.

لۆمۈلدەشمەك

  • لۆمۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «لۆمۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لۆمۈلدىمەك

  • لۆمۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لۆمشىمەك»كە قاراڭ.

لۈكچەك

  • لۈكچەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇش-تالاش، جېدەل-ماجىرادىن يانمايدىغان، ئەخلاقى، پەزىلىتى ناچار، ئەخلاقسىز:[مىسال:] يوقال ئۆزۈڭنىڭ خىلىنى تاپ، لۈكچەك ∥ سەن لۈكچەكنى پۈتۈن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.

لۈكچەكلىك

  • لۈكچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇرۇش-تالاش، جېدەل-ماجىرا پەيدا قىلىدىغان قىلىق:[مىسال:] لۈكچەكلىك قىلماق.

لۈي

  • لۈي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيىنىڭ شتات بىرلىكى. ئۇنىڭغا بىر قانچە تۈەن ياكى يىڭ قارايدۇ.

لۈيجاڭ

  • لۈيجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] لۈي كوماندىرى.

لې

  • لې[يەشمىسى:] «ل» ھەرپىنىڭ نامى.

لېپاپ

  • لېپاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە خەت، ھۆججەت قاتارلىق نەرسىلەرنى سېلىپ بىرەر جايغا ئەۋەتىش ئۈچۈن تۆت بۈرجەك ياسالغان قەغەز خالتا؛ كونۋېرت.

لېپاپلىق

  • لېپاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لېپاپقا سېلىنغان، لېپاپلانغان:[مىسال:] ھېچقىسى يوق. قېرىندىشىمىز سۇتۇق بۇغراخانغا سالام دەڭ. بۇ خەت ئۇنىڭغا، خان لېپاپلىق خەتنى بەردى.

لېپاپلىماق

  • لېپاپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەت، ھۆججەت قاتارلىقلارنى لېپاپقا سالماق:[مىسال:] ئۇ خەتنى يېزىپ بولۇپ لېپاپلىدى.

لېپەز

  • لېپەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشتاتنىڭ ئىشتانباغ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتۇرۇپ تىكىلگەن يېرى.

لېپەك

  • لېپەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] تىزدىكى ئۈچ بۇرجەك سۆڭەك. ئۇچى پەسكە قارايدۇ.

لېپەكگۈل

  • لېپەكگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لېپەك+گۈل[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىدۇ. تەمى چۈچۈمەل، سەل قېرىق، تەبىئىتى مۆتىدىل، زەھەرسىز. ياسالمىسى جىگەر ۋە بۆرەككە قۇۋۋەت بېرىدۇ، تىزغا ماغدۇر بېرىدۇ. خام ئىشلەتسە، قاننى ماڭدۇرۇپ، ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىدۇ. ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇخىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

لېپتون

  • لېپتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماسسىسى پروتۇننىڭ ماسسىسىدىنمۇ كىچىك بولغان فېرمىئون. ئېلېكترون ميۇئون ۋە نېيترىنو قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى: ئەركىن ئايلىنىش كۋانت سانى ئوخشاشلا [SX(]1[]2[SX)]، ماسسىسى ئىنتايىن يېنىك، ئاتوم يادروسى بىلەن ئۆزئارا كۈچلۈك تەسىر قىلىش رولى يوق.

لېپتىنىت

  • لېپتىنىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىدە دالا شىپاتى، كۋارتس كۆپرەك، چىرىمتال ياكى باشقا تۇتۇق مىنېرال ئازراق (ئادەتتە 30 تىن ئاز)، ئۆزگەرگەن كرىستاللىرى ئۇششاق دانىچىلىق، تەڭ دانىچىلىق، دانىچىسىمان قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان (ئادەتتە 1mm دىن كىچىك) رايون دائىرىلىك ئۆزگەرگەن جىنس.

لېچەك

  • لېچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپىنچە ياشانغان ئاياللار بېشىغا سالىدىغان ئاق داكا رومال.

لېچەكلىك

  • لېچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لېچىكى بار، لېچەك ئارتقان:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئىچىدە لېچەكلىك ياشانغان ئاياللارمۇ، قۇچاقتىكى بالىلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان چوكانلارمۇ ۋە ياش قىزلارمۇ بار ئىدى.

لېزا

  • لېزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولغارىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

لېس

  • لېس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] نان، سامسا، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق ئۇن ۋە گۆشتىن تەييارلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىچىگە سېلىپ قىزىتىش ئارقىلىق پىشۇرۇلىدىغان قاڭالتىر تەخسە؛ دۇخوپكا تەخسىسى.

لېكتور

  • لېكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئالىي مەكتەپلەردە بېرىلىدىغان ھەمدە دەرىجىسى دوتسېتتىن تۆۋەن، ئاسسىتېنتتىن يۇقىرى كەسپىي ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغان ئوقۇتقۇچى.

لېكتورلۇق

  • لېكتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لېكتورلارغا يۈكلەنگەن ئىش، ۋەزىپە؛ لېكتورلار قىلىدىغان خىزمەت:[مىسال:] لېكتورلۇق قىلماق. لېكتورلۇققا تەيىنلەنمەك * ئون نەچچە يىللىق لېكتورلۇق خىزمىتىنى ئىشلەش ئەمەلىيىتىمگە ئاساسەن، بەزىبىر تەسىراتلىرىمنى يولداشلار بىلەن ئورتاقلاشتۇرماقچىمەن.

لېكسىكا

  • لېكسىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ① بىرەر تىل ياكى دىئالېكتتىكى سۆزلەر يىغىندىسى:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلى لېكسىكىسى. لوپنۇر دىئالېكتى لېكسىكىسى.[يەشمىسى:] ② لېكسىكولوگىيە:[مىسال:] تىل ئىلمى فونىتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.

لېكسىكىلىق

  • لېكسىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۆز مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، گرامماتىكىلىق مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان؛ تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىگە ئائىت:[مىسال:] سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى:

لېكسىكولوگىيە

  • لېكسىكولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. تىلنىڭ لۇغەت تەركىبىنى تەتقىق قىلىدۇ:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى.

لېكسىيە

  • لېكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئالىي مەكتەپ ياكى ئامما ئارىسىدا بىرەر تېما ئۈستىدە ئاغزاكى ياكى يازما تەرىقىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق.

لېكىن

  • لېكىن[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەنە جەھەتتىن بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى ئىككى جۈملىنى باغلاش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] بۇ ئىككىسى كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاغىزىدا بۇ سۆزلەرنى ئېيتالمىدى.[يەشمىسى:] ② مەنىسى بىر-بىرىگە زىت بولسىمۇ، ئەمما بىر-بىرىنى رەت قىلمايدىغان ئىككى جۈملىنى باغلايدۇ:[مىسال:] بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، لېكىن سەل سوغۇق.[يەشمىسى:] ③ بىرىنچى ئابزاستا بايان قىلىنغان پىكىرگە ئىككىنچى ئابزاستا ئەكسىچە پىكىر بايان قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئىككىنچى ئابزاسنىڭ بېشىدا كېلىپ، بۇ ئىككى ئابزاسنى باغلاش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ... لېكىن خىزمىتىمىزدە بەزىبىر يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى.

لېگاتا

  • لېگاتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] نوتىدىكى بىر قانچە ئاۋازلارنى تۇتاشتۇروپ كۆرسىتىدىغان سىزىق ياكى بەلگە.

لېمپىرا

  • لېمپىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گوندۇراسنىڭ پۇل بىرلىكى (گوندۇراس لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر دۆلەت).

لېنتا

  • لېنتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بېزەك ۋە زىننەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تار، ئۇزۇن رەخت.[يەشمىسى:] ② بىرەر قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنلىكىگە سىموۋول قىلىنغان ئۇزۇن قىزىل رەخت:[مىسال:] لېنتا كەسمەك.[يەشمىسى:] ③ ئۇزۇن تاسما شەكىلدىكى تېخنىكىلىق بۇيۇم:[مىسال:] كىنو لېنتىسى. ئۈنئالغۇ لېنتىسى. * ئۇلار ئۈنئالغۇنى توغرىلاپ ھۆرمەتلىك مېھماننىڭ «يېڭىلىق» لىرىنى لېنتىغا ئېلىۋالدى.

لېنتىسىمان

  • لېنتىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لېنتىغا ئوخشايدىغان، لېنتا شەكىللىك.

لېنتىلىق

  • لېنتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لېنتىسى بار، لېنتا چىگىلگەن، لېنتا ئېسىلغان:[مىسال:] ئانىنىڭ كۆزى ئابدۇراخماننىڭ مەيدىسىدىكى «ئامانلىقنى ساقلاش نەمۇنچىسى» دېگەن سېرىق لېنتىلىق مېدالغا چۈشتىدە-دە سۆيۈنچ ئىچىدە ئوغلىنى باغرىغا باستى.

لېنىنىزم

  • لېنىنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ماركىسىزم، يەنى جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابى دەۋرىدە پرولېتارىيات دىكتاتورىسى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇش دەۋرىدە ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كونكرېتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان لېنىنچە تەلىمات.

لېنىنىزىملىق

  • لېنىنىزىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لېنىنىزم پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان، لېنىنىزم پرىنسىپلىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان:[مىسال:] لېنىنىزىملىق كۆز قاراش.

لېئو

  • لېئو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رومىنىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

لېئون

  • لېئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] (سېررالېئوننىڭ پۇل بىرلىكى)، (سېررالېئون ئافرىقىدىكى بىر دۆلەت).

لېۋ

  • لېۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇلغارىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

لېۋامىزول

  • لېۋامىزول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا، مولىكۇلا فورمۇلىسى . C11 H21 N2S.HCl ئەسلىدە مەددە چۈشۈرۈش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى. ھازىر يەنە كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

لېئىشمان

  • لېئىشمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاددىي ھايۋان. يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، قىزىل قان دانچىسىدىن كىچىكرەك كېلىدۇ. ھاشارات (كۇمۇتا)، ھايۋانلار (ئىت) ياكى ئادەم تېنىدە پارازىت ياشايدۇ ۋە قارا كېزىك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ ئەنگلىيە دوختۇرى لېئىشمان (William boog Leishman) تەرىپىدىن بايقالغاچقا، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

لېيبورستلار

  • لېيبورستلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنگلىيىدە قۇرۇلغان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى.

لېيبىڭ

  • لېيبىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئۇنۋان، يەنى ئەسكەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجە.

لېيىتماق

  • لېيىتماق[يەشمىسى:] «لېيىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىملەردۇر ئېرىققا توپا تاشلاپ سۇنى لېيىتماقتا ئىدى.

لېيىماق

  • لېيىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لاي ئارىلاشماق، لاي بولماق:[مىسال:] سۇ لېيىپ كەتتى.

لىباس

  • لىباس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كىيىم؛ ئۈست كىيىم:[مىسال:] مانجۇچە لىباس كىيىپ، بېلىگە شەمشەر ئاسقان تۇغبېگى شامەخسۇتنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇراتتى.

لىبېرال

  • لىبېرال[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لىبېرالىزم تەرەپدارى؛ لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پرىنسىپسىز، تەشكىلسىز، ئىنتىزامسىز، بىپەرۋا ھەم شەخسىي مەنپەئەتنى تەكىتلەيدىغان كىشىلەر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لىبېرالىزمغا ئائىت؛ لىبېرالىزم غايىلىرىنى ياقلايدىغان، ئىپادىلەيدىغان:[مىسال:] لىبېرال پارتىيە. لىبېرال بۇرژۇئازىيە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پرىنسىپسىز، تەشكىلسىز. ئىنتىزامسىز، بىپەرۋا، شەخسىي مەنپەئەتنى تەكىتلەيدىغان:[مىسال:] لىبېرال مۇناسىۋەت.

لىبېرالىزم

  • لىبېرالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① ⅩⅨئەسىر ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بۇژۇئازىيىنىڭ سىياسىي ئىدىيۋى ئېقىمى.[يەشمىسى:] ② ئىنقىلابىي قوشۇندىكى بىر خىل خاتا ئىدىيۋى ئىستىل. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى:[مىسال:] پرىنسىپسىزلىق، تەشكىلسىزلىق، ئىنتىزامسىزلىق، بىپەرۋالىق ۋە شەخسى مەنپەئەتنى تەكىتلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

لىبېرالىزملىق

  • لىبېرالىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① لىبېرالىزمغا ئائىت؛ لىبېرالىزم غايىلىرىنى ياقلايدىغان، ئىپادىلەيدىغان:[مىسال:] ئۇلارنىڭ مەملىكىتىدە پروسىيە بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئوداللارغا ۋە مۇستەبىت سۇلالىگە قارشى كۈرىشى، قىسقىسى، لېبېرالىزملىق ھەرىكەت بارغانسېرى جىددىيلەشتى.[يەشمىسى:] ② پرىنسىپسىزلىق، تەشكىلسىزلىك، ئىنتىزامسىزلىق، شەخسىي مەنپەئەتنى تەكىتلەش ۋە بىپەرۋالىق قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان:[مىسال:] بۇنداق ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ كارى بولماي يۈرۈشتەك لىبېرالىزملىق پوزىتسىيە ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

لىبېرالىست

  • لىبېرالىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① لىبېرالىزىم تەرەپدارى. [يەشمىسى:] ② پرىنسىپسىز، تەشكىلسىز، ئىنتىزامسىز، بىپەرۋا، شەخسى مەنپەتنى تەكىتلەيدىغان كىشى.

لىبېرالىستلىق

  • لىبېرالىستلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لىبېرالىستلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، ئادەت، قىلىق.

لىپ

  • لىپ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرىكەتنىڭ يېنىك ۋە تىزلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىش ھالىتى:[مىسال:] نىلقىدىن ئاتلىنىپ چىققان قوشۇننىڭ ئىلى ۋادىسى، جۇڭغار دالالىرىدىكى جەڭگىۋار يۈرۈشلىرى «لىپ» قىلىپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاغزىغىچە لىق تولدۇرۇلغان، لىق.

لىپا

  • لىپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لىپا دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچىنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ. قوۋزىقىنىڭ تالالىرى ناھايىتى كۆپ. ئارغامچا، چىگە قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ. جوڭگودا 30 نەچچە تۈرى بار.

لىپارىت

  • لىپارىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] كىسلاتالىق ئېتىلما جىنسنىڭ بىر خىلى. تەركىبى گرانىت بىلەن ئوخشاش. چىپار قۇرۇلمىلىق كۋارتس، ئىشقارلىق شىپاتى (سۈزۈك دالا شىپاتى ئانورتوكلاز) ئۇنىڭ چىپار كرىستالى بولىدۇ. بەزىدە ئاز مىقداردا پلاگىئوكلاز بولىدۇ. ئاساس ماددىسى ئومۇمەن زىچلاشقان يۇشۇرۇن كرىستاللىق ياكى ئەينەك ماددىلىق بولىدۇ، بەزىدە يۇمىلاق دانىچە قۇرۇلمىلىقىمۇ بولىدۇ.

لىپپىدە

  • لىپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «لىپ» قىلىپ، «لىپ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] شۇ ئەسنادا شۇ يەرگە پەيدا بولغان بىر ھەربىي ئەمەلدارغا يانداش ماڭغان ئۇيغۇر ئايال گۈلقىزنى كۆرسىتىپ «لىپپىدە» كۆز ئىشارىتى قىلىۋالدى، ئەمەلدار ئاستا توختاپ قالدى.[يەشمىسى:] ② لىقمۇلىق، توشقۇچە، لىققىدە:[مىسال:] رېشتىلەر ئېشىلگەن ۋاپادارلىقتىن، كەشتىلەر تىكىلگەن مېھرى يىپىدە. تۇتۇشار دوست-ياران مەشرەپكە بېيىت ئېيتىپ مەي، چىنىگە قۇيۇپ لىپپىدە.

لىپتىك

  • لىپتىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گول<[يەشمىسى:] «باغىرتاق»قا قاراڭ.

لىپ-لىپ

  • لىپ-لىپ[يەشمىسى:] «لىپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئىككىسىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ تۇرغان ئەنۋەر بۇ ياققا «لىپ-لىپ» قىلىپ قاراپ قويدى.

لىپىلداتماق

  • لىپىلداتماق[يەشمىسى:] «لىپىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كۆزلىرىنى لىپىلدىتىپ خېلىغىچە قاراپ تۇردى.

لىپىلداشماق

  • لىپىلداشماق[يەشمىسى:] «لىپىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لىپىلدىماق

  • لىپىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لىپ-لىپ قىلماق:[مىسال:] قاغىنىڭ پەيسىز لىپىلداپ تۇرغان ھەلقۇمىغا قاراپ يېتىپ، مەتنىيازنىڭ ئازراق ئاچچىقى كەلدى.

لىتاۋرى

  • لىتاۋرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مىستىن قازانغا ئوخشىتىپ ياسالغان ئۇرغۇلۇق چالغۇ، ئېغىزىغا تېرە تارتىلىپ، بۇرما ئورنىتىلىدۇ، شۇ بۇرمىنى چېڭىتىش ياكى بوشىتىش ئارقىلىق ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى تەڭشىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن سىمفونىيىلىك ئوركېستىردا ئىشلىتىلىدۇ.

لىتوسفېرا

  • لىتوسفېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① يەر شارى ئۈستى قىسمىنىڭ ئاتموسفېراغا نىسبەتەن ئېيتىلغان قاتتىق لىتوسفېرا قاتلىمى، يەنى قېلىنلىقى تەخمىنەن 60 120 كىلومېتىر، يەر تەۋرەش دولقۇن سۈرئىتى يۇقىرى بولغان بەلۋاغ. ئۇ گرانىتلىق جىنس، بازالىتلىق جىنس ۋە ئۇلترا ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىك جىنسلاردىن تەركىب تاپقان يەر پوستىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۈستۈنكى مانتىلنىڭ ئۈستى قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[يەشمىسى:] ② بارسىفېراغا نىسبەتەن ئېيتىلغان لىتوسفېرا، يەنى يەر پوستى.

لىتىر

  • لىتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] 1000 كۇب سانتىمېتىرغا باراۋەر بولغان سۇيۇقلۇق ئۆلچەم بىرلىكى:[مىسال:] بىر لىتىر سۈت. ئىككى لىتىر پىۋا.

لىتىرلاتماق

  • لىتىرلاتماق[يەشمىسى:] «لىتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لىتىرلاشماق

  • لىتىرلاشماق[يەشمىسى:] «لىتىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لىتىرلانماق

  • لىتىرلانماق[يەشمىسى:] «لىتىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

لىتىرلىماق

  • لىتىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى لىتىرنى بىرلىك قىلىپ ئۆلچىمەك، تارتماق.

لىتىرلىق

  • لىتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لىتىرغا توغرا كېلىدىغان، لىتىرغا توشىدىغان:[مىسال:] يۇقۇرىدىكى بىرنەچچە خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، 150 لىتىرلىق توڭلاتقۇدا يىلىغا 10070 كىلوۋات توك تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

لىتىي

  • لىتىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(lithium) Li كۈمۈشتەك ئاق ۋە مېتاللار ئىچىدە ئەڭ يېنىك، يۇمشاق، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى بەك ئاكتىپ. ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتى، ھەر خىل قېتىشمىلار، ئالاھىدە ئەينەكلەرنى ياساش ۋە باتارىيە ئىشلەش قاتارلىقلااردا كەڭ قوللىنىلىدۇ.

لىتىيلىق

  • لىتىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە لىتىي بولغان، لىتىيغا ئىگە:[مىسال:] لىتىيلىق چىرىمتال.

لىجى

  • لىجى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سوپۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. مېۋە گۆشى ئاق ۋە شىرنىلىك بولۇپ تەمى ناھايىتى تاتلىق. مەملىكىتىمىزنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

لىچىنكا

  • لىچىنكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتلاردىكى تۆرەلمە تۇخۇم ئىچىدە يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇخۇمنى يېرىپ چىققان كىچىك ئورگانىزم. مەسىلەن، پاشا لىچىنكىسى، چىۋىن قۇرىتى، پارازىت قۇرت قاتارلىقلار.

لىراⅠ

  • لىراⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىتالىيانچە[[يەشمىسى:] تۈركىيە ۋە ئىتالىيەلەرنىڭ پۇل بىرلىكى.

لىراⅡ

  • لىراⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① تارلىق ۋە ئۇرۇپ چېلىنىدىغان قەدىمكى گرېك چالغۇ ئەسۋابى.[يەشمىسى:] ② ئوكرائىن ۋە بېلورۇسلانىڭ كامانچە بىلەن چېلىنىدىغان چالغۇ ئەسۋابى[يەشمىسى:] ③ قەدىمكى گرېك چالغۇسىنىڭ شەكلى ئاساسىدا مۇزىكا سەنئىتىگە سىموۋول قىلىنغان  شەكىللىك بەلگە، مۇزىكا گېربى.

لىرىك

  • لىرىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] «لىرىكىلىق»قا قاراڭ[مىسال:] : لىرىك ئوبراز. لىرىك قەھرىمان.

لىرىكا

  • لىرىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① شائىر، يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە بايان قىلغان سۇبيېكتىپ تەسىراتى ۋە ئىدىيىۋى ھېسسىياتى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ھېسسىيات ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر يىغىندىسى:[مىسال:] ناۋايى لىرىكىلىرى. پۇشكىن لىرىكىلىرى.

لىرىكىچى

  • لىرىكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدە لىرىكىغا كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان، لىرىكىلىق ئەسەرلەرنى كۆپ يازىدىغان يازغۇچى، شائىر.

لىرىكچىلىق

  • لىرىكچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەسەرلەرنى يېزىش خاھىشى:[مىسال:] لىرىكچىلىق ئىنسان روھىنىڭ ئومۇمىي تەركىبىي قىسمىدۇر.

لىرىكلىق

  • لىرىكلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لىرىكىغا ئائىت، لىرىكىغا خاس خۇسۇسىيەتلەرنى، ھېس-تۇيغۇلارنى، كەچۈرمىشلەرنى ئىپادىلەيدىغان:[مىسال:] لىرىكىلىق شېئىر. لىرىكىلىق ئەسەر.

لىزوزىما

  • لىزوزىما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] باكتېرىيىلەرنى ئېرىتەلەيدىغان ماددىلار. بۇ خىل ماددىلار باكتېرىيە ھۈجەيرە پەردىسىنى تۈزگۈچى كۆپ قەنتلىك ماددىلارنى پارچىلاپ، باكتېرىيىلەرنىڭ ۋەيران بولۇش ۋە ئۆلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كۆز يېشى، ماڭقا، شۆلگەي، ئاق قان دانىچىسى ۋە تۇخۇم ئېقى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە لىزوزىما بولىدۇ.

لىزول

  • لىزول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيووپۇن ئېرىتمىسىنىڭ ئارىلاشمىسى. قوڭۇر ۋە زەھەرلىك كېلىدۇ. ئادەتتە دىزېنفېكسىيە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

لىزۇ

  • لىزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن ئىلىمىزنىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن لىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئولتۇراقلاشقان.

لىزۇچە

  • لىزۇچە [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لىزۇلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] لىزۇچە كىيىم. لىزۇچە ئۇسۇل. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لىزۇ تىلى:[مىسال:] لىزۇچىنى ياخشى سۆزلىمەك.

لىسۇ

  • لىسۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ لىسو ئاپتونوم ئوبلاستىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان بىر قىسمى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجياڭ، دىچىڭ، دالى ۋە سىچۋەن ئۆلكىسىنىڭ شجاڭ قاتارلىق جايلىرىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان چەت ئەللەردىن بېرما، تايلاندلاردىمۇ بىر قىسىم لىسۇلار ياشايدۇ.

لىسۇچە

  • لىسۇچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لىسۇلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] لىسۇچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لىسۇ تىلى:[مىسال:] لىسۇچىنى ياخشى سۆزلىمەك.

لىشاينىك

  • لىشاينىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تىپى. بۇلارنىڭ ئۆسۈملۈك تېنى زەمبۇرۇغ بىلەن يۈسۈنلەرنىڭ ئورتاقلىشىپ ياشىشىدىن بارلىققا كەلگەن. تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، يەر يۈزىدىكى دەرەخ قوۋزاقلىرى ياكى قورام تاشلاردا ئۆسىدۇ.

لىفىت

  • لىفىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بىنالاردىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلىنىپ، ئادەم ياكى باشقا نەرسىلەرنى توشۇيدىغان قۇرۇلما.

لىغ

  • لىغ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يەڭگىل تەۋرەنگەن، تىترىگەن ھالەت.

لىغ-لىغ

  • لىغ-لىغ[يەشمىسى:] «لىغ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لىغىر

  • لىغىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ تەۋرەنگەن ۋە تىترىگەن ۋاقتىدىكى ھالىتى.

لىغىرلاتماق

  • لىغىرلاتماق[يەشمىسى:] «لىغىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ گاھىدا قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، بىر قولىنى لىغىرلىتىپ باشقىلارنى ئۇسسۇلغا تارتاتتى.

لىغىرلاشماق

  • لىغىرلاشماق[يەشمىسى:] «لىغىرلىماق» پېئىلىنىنڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لىغىر-لىغىر

  • لىغىر-لىغىر[يەشمىسى:] «لىغىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لىغىرلىماق

  • لىغىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لىغىر، لىغىر»قىلماق. «لىغىر، لىغىر»قىلىپ تەۋرەنمەك:[مىسال:] قىز غەمكىن ۋە مەيۇس ئىدى. كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ يالتىرايتتى.  بۇ قوينىڭ سېمىزلىكىدىن قۇيرۇقلىرى لىغىرلاپ تۇراتتى.

لىغىلداتماق

  • لىغىلداتماق[يەشمىسى:] «لىغىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لىغىلداشماق

  • لىغىلداشماق[يەشمىسى:] «لىغىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لىغىلدىماق

  • لىغىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لىغ-لىغ» قىلماق، «لىغ-لىغ» قىلىپ تەۋرەنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش تامچىلىرى سىمابتەك لىغىلداپ قالغانىدى.

لىق

  • لىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولۇق توشقۇزۇلغان، ئاغزىغىچە قاچىلانغان، زىچ جايلاشقان:[مىسال:] چېلەكتە لىق سۇ بار ئىدى. ∥ ئۇ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ھاراقتىن بىر پىيالىگە لىق تولدۇرۇپ قويۇپ، يالغۇز ئىچىۋەتتى.

لىققىدە

  • لىققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] توشقۇچە، لىق تولغۇچە:[مىسال:] كىچىك بىر ياغاچ تەڭنىدە لىققىدە قەلەم قىلىپ توغرالغان، ئۈستىگە ئۇششاق چانالغان سامساق سېپىلگەن تۇرۇپ سەي تۇراتتى.

لىقلاتماق

  • لىقلاتماق[يەشمىسى:] «لىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لىقلاشماق

  • لىقلاشماق[يەشمىسى:] «لىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لىقلانماق

  • لىقلانماق[يەشمىسى:] «لىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] رېزىنكە نەيچە قاپاق ئاغزىغا تىقىلىپ ئازراق بۇژۇلداشتىن كېيىن ماي لىقلاندى.

لىقلىماق

  • لىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لىققىدە تولدۇرماق، قاچىلىماق؛ ئىچىدە بوش ئورۇن قالدۇرماي تولدۇرماق:[مىسال:] مەغپىرەتخان ئاچا چۆگۈننى لىقلاپ، ئۇچاققا قويدى-دە، يەنە بىرنەچچە تال قۇرۇق ئوتۇننى ئوچاققا ئۈستىلەپ تىزدى.

لىقمۇلىق

  • لىقمۇلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاغزىغىچە قاچىلانغان، توشقۇچە، لېپمۇلىپ:[مىسال:] تاجىئاخۇن ئاكا ياش ئۇچقۇنلارنى تائامغا تەكلىپ قىلىپ، ئىككى تەڭنىدە لىقمۇلىق شورپا ئەكەلدى.

لىكⅠ

  • لىكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ھەرىكەتنىڭ يەڭگىل ھەم تىزلىك بىلەن يۇقىرى-تۆۋەن تەۋرەش ھالىتى:[مىسال:] ئۇ لىك قىلىپ ئورنىدىن تۇردى.

لىكⅡ

  • لىكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالبانىيىنىڭ پۇل بىرل.

لىكاڭ

  • لىكاڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىر كۆتۈرۈلۈپ-بىر پەسەيگەن ياكى بىر بۇ ياققا-بىر ئۇ ياققا تەۋرىگەن ھەرىكەتنىڭ تەكرار ھالىتى.

لىكاڭلاتماق

  • لىكاڭلاتماق[يەشمىسى:] «لىكاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لىكاڭلىماق

  • لىكاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆتۈرۈلۈپ-پەسلەپ، لىكىلداپ تۇرماق:[مىسال:] ھەربىر ئادەم ئۆتكەندە كۆۋرۈك تاختىسى لىكاڭلاپ تۇراتتى.

لىككىدە

  • لىككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «لىك» قىلىپ، «لىك» قىلغان ھالدا:[مىسال:] قەيسەر تۇيۇقسىز «لىككىدە» ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

لىك-لىك

  • لىك-لىك[يەشمىسى:] «لىك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لىكىلداتماق

  • لىكىلداتماق[يەشمىسى:] «لىكىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باقى ئەپكەشلىرىنى لىكىلدىتىپ كېتىپ بارىدۇ.

لىكىلدىماق

  • لىكىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لىك-لىك» قىلماق:[مىسال:] تاشخان ئۇستامنىڭ ئۇچلۇق ئېڭىكىدىكى بىر تۇتام ساقىلى لىكىلداپ، كۆزى چانىقىدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولدى.

لىگنىن

  • لىگنىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل يۇقىرى مولېكۇلىلىق ئاروماتىك گۇرۇپپىدىكى پولېمېرلىق بىرىكمە. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياغاچلاشقان توقۇلمىلىرىنىڭ ھۈجەيرە پوستىدا كۆپ مىقداردا بولىدۇ. سىلېلوزىلارنىڭ ئارىلىقلىرىنى تولدۇرۇپ تۇرىدۇ، ھايۋانلار ھەزىم قىلالمايدۇ، تۇپراقتا چرىندىگە ئايلىنالايدۇ، سانائەتتە ئاجرىتىپ ئالغىلى بولىدۇ. ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ.

لىگنىنلاشماق

  • لىگنىنلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك غولىنىڭ لىنگىن بار قىسمى تەرەققىي قىلىپ چىڭىماق، مەزمۇتلاشماق.

لىڭⅠ

  • لىڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تېز ۋە يەڭگىل يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھالەت.

لىڭ تاسما

  • لىڭ تاسما[يەشمىسى:] ئىشنى ياكى توختاتمايدىغان ياكى تۈگەتمەيدىغان، ئوڭشاپ قىلالمايدىغان، بوشاڭ، لايغەزەل:[مىسال:] لىڭ تاسما ئادەم. * ئاقپاشا پۇقراسى دېگەن مۇشۇنداق لامزەللە، لىڭ تاسما بولامدۇ دېدى ھاپىز.

لىڭⅡ

  • لىڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] تاختا، تاۋاق.

لىڭجاڭ

  • لىڭجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] پاگون.

لىڭشىتماق

  • لىڭشىتماق[يەشمىسى:] «لىڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دەرەخنى لىڭشىتماق.ئو ئورۇندۇققا چىقىپ، مىخنى لىڭشىتىپ كۆردى.

لىڭشىشماق

  • لىڭشىشماق[يەشمىسى:] «لىڭشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لىڭشىق

  • لىڭشىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① لىڭشىپ، تەۋرىنىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ئابدۇرىشىتخان-پادىشاھ، خەلقپەرۋەرلىك، ئادىللىق كۆز قارىشى بار، شائىر ئەمما مەيدانى لىڭشىق، 35 ياشلاردا. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى گاچ-گاچ قىلماي ئەزۋەيلەپ ئولتۇرىدىغان ياكى گەپنى گاچ-گاچ قىلماي لىڭشىپ قىلىدىغان، ئىنجىق:[مىسال:] لىڭشىق ئادەم.

لىڭشىماق

  • لىڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇ يان-بۇ يان ياكى ئاستىن-ئۈستىن مىدىرلاپ تەۋرەنمەك، سىلكىنمەك:[مىسال:] سول تەرەپتىكى بىر تۈپ قارىغاي شېخىنىڭ تۇيۇقسىز لىڭشىپ، ئۈستىدىكى قارنىڭ پەسكە تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم.

لىڭگە

  • لىڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] پېشايۋانلاردىكى تۈۋرۈك ئارىلىقىغا قويۇلىدىغان يېرىم چەمبەر شەكلىدىكى ئەگمە.

لىڭگىر

  • لىڭگىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېگىز-پەس لىڭشىش ھالىتى.

لىڭگىرتاقتاق

  • لىڭگىرتاقتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لىڭگىر+تاقتاق[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] بالىلارنىڭ تەنھەرىكەت سايمىنى. ئادەتتە بىر پارچە ئۇزۇن تاختاينى ئوتتۇرىدىن تېرەپ قويۇپ، ئىككى ئادەم بېشىدا قارىمۇ قارشى ئولتۇرۇپ، نۆۋەتلىشىپ پۇتى بىلەن يەرگە تېپىپ، تاختاينىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە تۆۋەتلىشىشى بىلەن بىللە چىقىپ-چۈشۈش ئارقىلىق ئوينىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇرالغۇسى يوق، بىر يەردە توختىمىغان:[مىسال:] لىڭگىرتاقتاق گەپنى قىلماي ئۈزۈپ گەپ قىل.

لىڭگىرچاق

  • لىڭگىرچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توقۇمنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان، ئېگەرگە ئوخشىتىپ ياسالغان ھارۋا جابدۇقى.

لىڭگىرلەتمەك

  • لىڭگىرلەتمەك[يەشمىسى:] «لىڭگىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لىڭگىرلىمەك

  • لىڭگىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لىڭگىر-لىڭگىر قىلماق، لىڭگىر-لىڭگىر قىلىپ تەۋرەنمەك.

لىڭگىر-لىڭگىر

  • لىڭگىر-لىڭگىر[يەشمىسى:] «لىڭگىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لىڭڭىدە

  • لىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «لىڭ» قىلىپ، «لىڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ بىر كۈچىۋىدى، لىڭڭىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.  ئايرۇپىلان لىڭڭىدە يەردىن كۆتۈرۈلدى.  تاختاينىڭ بىر ئۇچى لىڭڭىدە كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.

لىڭ-لىڭ

  • لىڭ-لىڭ[يەشمىسى:] «لىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

لىڭىلداتماق

  • لىڭىلداتماق[يەشمىسى:] «لىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

لىڭىلداشماق

  • لىڭىلداشماق[يەشمىسى:] «لىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

لىڭىلدىماق

  • لىڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «لىڭ-لىڭ» قىلماق، «لىڭ-لىڭ» قىلىپ تەۋرىمەك، چايقالماق.

لىلانگېنى

  • لىلانگېنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۋازىلاندىيىنىڭ پۇل بىرلىكى (جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كىچىك بىر دۆلەت).

لىللا

  • لىللا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] راست، ھەق، ناھايىتى توغرا، ئادىل:[مىسال:] لىللا ئادەم.لىللا گەپ.

لىللالاشماق

  • لىللالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئادىل بولماق، ئادىللاشماق:[مىسال:] پارتىيە سىياسىتى لىللالاشتى.

لىللالىق

  • لىللالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادىللىق، توغرىلىق:[مىسال:] ئەينەك، ئەينەك رەھىمسىز سەن، باغرى تاش، ھەممە جۈپكى لىللالىقتا بىر سەن تاق. ياتمىدىمۇ سىرلار ياتماس ئىچىڭدە، چېچىمدىكى بالدۇر چۈشكەن بىر تال ئاق.

لىم

  • لىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ① جەگە. [يەشمىسى:] ② قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى ئۆي يېپىش ياكى باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان بادرىدىن يوغان، ئۇزۇن ياغاچ:[مىسال:] خەلچەم بىلەن بەختنىسا يوغان بىر لىمنى كۆتۈرۈپ كېلىشتى.

لىمتاق

  • لىمتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆينىڭ تۆرىدىكى ئورۇن-كۆرپە يىغىدىغان جاي، ئويۇق ياكى تىزىلغان ئورۇن-كۆرپە.

لىمفا

  • لىمفا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزمدىكى توقۇلمىلار ئارىلىقىنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان تەڭسىز، سۈزۈك سۇيۇقلۇق. تەركىبىدە لىمفا شارچىسى بولۇپ، توقۇلما سۇيۇقلۇقىنىڭ لىمفا نەيچىسىگە سىڭىپ كىرىشىدىن شەكىللىنىدۇ. لىمفا نەيچىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋېنا قان تومۇرىغا ئوخشايدۇ. ئۇ بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغىچە تارقالغان. لىمفا ئادەتتە لىمفا نەيچىسى ئارقىلىق ئايلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋېنا تومۇرىغا كىرىدۇ ۋە توقۇلما سۇيۇقلۇقىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ئارىسىغا ئېقىپ كىرىشىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ.

لىمفاتىك

  • لىمفاتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] لىمفاغا ئائىت، لىمفاغا تېگىشلىك:[مىسال:] لىمفاتىك سىستېما.

لىملىق

  • لىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] لىمى بار، لىم سېلىنغان:[مىسال:] ئاشخانا ئۆي بەش لىملىق، ئۈچ دېرىزىلىك چوڭ ئۆي ئىدى.

لىمون

  • لىمون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① سۇزاپ ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ. مېۋە گۆشىنىڭ تەمى ناھايىتى ئاچچىق-چۈچۈك بولۇپ ئىچىملىك ياساشقا بولىدۇ. مېۋە شۆپۈكى سېرىق. ئۇنىڭدىن لىمون يېغى ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

لىمونات

  • لىمونات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] لىمون ياكى باشقا خىل مېۋە شەربىتىدىن تەييارلانغان تاتلىق ئىچىملىك.

لىمونىن

  • لىمونىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكوللا فورمۇلىسى .C01H61 ئۇ بىر خىل خۇش پۇراق سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئاپېلسىن قاتارلىقلارنىڭ مېۋە پوستىدا بولىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن پۇراقلىق ماتېرىياللار ئىشلىنىدۇ.

لىمىت

  • لىمىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ماتېماتىكىدىكى بىر ئۇقۇم. ئەگەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار x تەدرىجىي ئۆزگىرىپ بەلگىلىك مىقدار a غا ئىنتىلسە يەنى ئۇلارنىڭ ئايرىمىسىنىڭ مۇتلەق قىممىتى ھەر قانداق بېرىلگەن مۇسبەت ساندىن كىچىك بولسا، بەلگىلىك مىقدار a ئۆزگەرگۈچى مىقدار x نىڭ لىمىتى دېيىلىدۇ ۋە x→a ياكى lim x=a قىلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، سانلار ئارقىمۇئارقى‘لىقى ,[SX(]n[]n+1[SX)] ,[SX(]2[]3[SX)],[SX(]1[]2[SX)] نىڭ لىمىتى 1. ئۇ lim[DD(X]n←[DD)][SX(]n[]sn+1[SX)]=1 قىلىپ يېزىلىدۇ.

لىمىنگراف

  • لىمىنگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئۆزگىرىشىنى ئاپتوماتىك خاتىرىلەيدىغان بىر خىل مېخانىزم.

لىندېرا

  • لىندېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كامفورا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. مېۋىسى قارا، يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. ئاشقازاننى كۈچەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تيەنتەي ناھىيىسىدىن چىقىدىغانلىرى ئەڭ داڭلىق.

لىنزا

  • لىنزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۈزۈك ماددىلاردىن ياسالغان ئەينەك. يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسى بىلەن چېتىنىڭ قېلىن-نېپىزلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كۆپۈنكى لىنزا ۋە پېتىنقى لىنزا دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

لىنىيە

  • لىنىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئېلېكتر ئېقىمى، سۇيۇقلۇق، پار، قاتناش ۋاستىلىرى شۇنىڭدەك ھەرىكەتچان جىسىملار بېسىپ ئۆتىدىغان يول؛ سىم:[مىسال:] لىنىيە بېسىمى. لىنىيە توكى. قاتناش لىنىيىسى. * لىنىيە چەينەكلىرىنىڭ ھەممىسى قويماي چېقىلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② سىزىق؛ رەت، سەپ:[مىسال:] ئاپتوموبىللار لىنىيىسى. تانكا لىنىيىسى.[يەشمىسى:] ③ يۆنىلىش؛ تەرەپ:[مىسال:] ئەتىسى تۈن يېرىمىدىن ئاۋۋال زەربىدارلار ئىككى لىنىيە بويىچە دۈشمەن ئىستىھكامىغا تېگىش قىلدى.[يەشمىسى:] ④ دۈشمەن ياكى قارشى تەرەپكە يېقىن جايدىكى مۇداپىئە ياكى ئوت ئېچىش نۇقتىلىرىدىن تەركىب تاپقان سىستېما:[مىسال:] ئالدىنقى لىنىيە. مۇداپىئە لىنىيىسى. دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى. ئوت كۈچى لىنىيىسى. * ياپون «پادىشاھ ئەسكەرلىرى» نى باسقان زور سوقۇش پاراخوتى ئۇلۇغ ئوكيان فرونتىنىڭ ئالدىنقى لىنىيىلىرىگە قاراپ كېتىپ باراتتى.

لىۋان

  • لىۋان[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] لىۋان جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 10 مىڭ 400 كۇۋادىرات كېلومېتىر، ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ، يەنە ئەرمەنلەر، تۈركىيىلىكلەر ۋە گرېتسىيىلىكلەر بار. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەب تىلى قوللىنىدۇ، دۆلەت تىلىمۇ ئەرەب تىلى بولۇپ، فرانسوز ۋە ئىنگلىز تىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ %51تى ئىسلام دىنىغا، %49تى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ (ئەرەب خرىستىئانلېرى ۋە ئاز بىر قىسىم ئەرمەن، گرېك ۋە باشقا مىللەت خىرىستىئانلېرىدىن تەشكىللەنگەن، 600 مىڭ نوپۇس سۈنئىي مەزھىپىگە، بىر مىليوندىن كۆپرەكى شىئە مەزھىپىەە تەۋە.

  • لىۋاندا ئەڭ بۇرۇن خانائىنلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كېيىن ئەرەب ئىمپرىيىسى ۋە ئوسمان تۈرك ئىمپرىيىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فىرانسىينىڭ ۋەكالىيەت باشقۇرۇشىدىكى جاي بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا ئەنگلىيە-فىرانسىيىلەر بۆلۈپ ئىگىلىۋالغان، 1943-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1971-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • لىۋان يېزا ئىگىلىك دۆىلتى بولۇپ، دېھقانچىلىقدا ئاپلېسىن، ئالما، ئۈزۈم، كۆكتاتنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە ئاز مىقداردا بۇغداي، تاماكا، قىزىلچا ۋە زەيتۇن تېرىلىدۇ. سانائىتى كېيىم-كېچەك، يېمەكلىك، تاماكا، ھاراق ۋە ئۆي سايمانلىرى ياساشنى ئاساس قىلىدۇ. لىۋان ئوتتۇرا شەرىقتىكى مەشھۇر ساياھەت ئورنى بولۇپ، بۇرۇن ساياھەت كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ 5/1نى تەشكىل قىلغان.

  • ئاسالىق شەھەرلىرى: ① بېيرۇت، دۆلەت پايتەختى، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، دۆلەتنىڭ شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ سودا، قاتناش، پۇل-مۇئامىلە ۋە مەدەنىيەت ساياھەت مەركىزى بولۇپ، دۆلەت سانائىتىنىڭ يېرىمى مۇشۇ شەھەرگە جايلاشقان. ② تىرىپولى، ئىراق ماي تۇرۇبىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، نېفىىت پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتى مەركىزى. ③ سەئىدى. شامالدىن دالدا ياخشى پورت، بېلىقچىلىق مەركىزى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى.

لىۋىيە

  • لىۋىيە[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] بۈيۈك ئەرەب لىۋىيە خەلق سوتسىيالىستىك ئاۋام دۆلىتى ئافرىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. يەر مەيدانى 1 مىليون 759 مىڭ 540 كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەرەبلەر، ئاز قىسمىنى پارپالار ۋە چەت ئەل مۇھاجىرلىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  • قەدىمكى لىۋىيىلىكلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅶ ئەسىردە نومىدىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى، ⅩⅥ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىكى بولغان. 1912-يىلى ئىتالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ب د ت نىڭ باشقۇرىشىدا بولۇپ، 1951-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، لىۋىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1963-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى فىدىراتسىيە تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، نامىنى لىۋىيە پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتكەن. 1969-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىدرىس سۇلالىسى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1977-يىلى 3-ئايدا ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1978-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • لىۋىيىنىڭ نېفىت زاپىسى مول بولۇپ، 4 مىليارد 500 مىليون توننىغا، تەبىئىي زاپىسى 674 مىليارد توننىغا يېتىدۇ. نېفىت سانائىتى لىۋىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت تارمىقى بولۇپ، زور مىقدارىكى نېفىت كىرىمى لىۋىيىنى ئافرىقا بويىچە ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. ئاھالىسىنىڭ 52% تى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق قوي ۋە تۆگە بېقىلىدۇ.

  • ئاساسلىق شەھەرلىرى: ① تىرىپولى، دۆلەت پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى، شەھەر 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە. ② بەنگاسى، ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، قەدىمدىن ئافرىقا قۇرۇلۇقلىقىغا ئۆتىدىغان مۇھىم سودا مەركىزى بولغان.

ليەن

  • ليەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيىنىڭ شتات بىرلىكى. بىرقانچە پەيدىن تەركىب تاپىدۇ.[يەشمىسى:] ليەن كوماندىرى.

ليەنجاڭلىق

  • ليەنجاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ليەنجاڭغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە، ئەمەل.

ليۇتېتسىي

  • ليۇتېتسىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېنمېت. بەلگىسى .(Lutetium)Lu ئۇ سىرەك يەر مېتاللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئەتكە ناھايىتى ئاز تارقالغان.

ليۇمېن

  • ليۇمېن[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] يورۇقلۇق ئېقىمى بىرلىكى. بىر ليۇمېن بىر خەلقئارالىق كاندېلانىڭ ئارىلىقى بىر سانتىمېتىر، مەيدانى بىر كۋادرات سانتىمېتىر بولغان تەكشىلىكنى يورۇتقان چاغدىكى يورۇقلۇق ئېقىمىغا باراۋەر كېلىدۇ.