ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

23 ن 🔗

ن

نائەھلىي

نائەھلىيلىك

ناباب

نابابلىق

ناباتات

نابور

نابورچىك

نابورچىكلىك

نابۇت

ناپاك

ناپاكلىق

ناتايىن

ناترولىت

ناترىي

ناترىيلىق

ناتسىست

ناتسىستزم

ناتوغرا

ناتوغرىلىق

ناتونۇش

ناتونۇشلۇق

ناتۇرا

ناتۇرال

ناتۇرالىزم

ناتۇرىزم

ناتىق

ناتىقلىق

ناتىنچ

ناتىۋان

ناتىۋانلىق

ناجاڭ

ناجىنس

ناچا

ناچار

ناچارلاشماق

ناچارلىق

ناچارلىماق

ناخشا

ناخشا-ئۇسسۇل

ناخشىچى

ناخشىچىلىق

ناخشىسىز

ناخشىلىق

ناخۇش

ناخۇن

ناخۇنلىماق

نادامەت

نادامەتلىك

نادان

نادانلارچە

نادانلاشتۇرماق

نادانلاشماق

نادانلىق

نادىر

نار

نارازى

نارازىلىق

نارەسىدە

نارەنجى

نارزان

ناركوتىك

ناركوز

ناز

نازارەت

نازارەتچى

نازارەتچىلىك

نازاكەت

نازاكەتسىز

نازاكەتلىك

نازغىتماق

نازغىتىشماق

نازغىماق

ناز-كەرەشمە

نازلانماق

نازلىق

نازلىماق

ناز-نېمەت

نازۇك

نازۇكەرەشمە

نازۇكلاشتۇرماق

نازۇكلاشماق

نازۇكلۇق

نازۇنېمەت

نازىر

نازىركۇم

نازىرلىق

نازىگۈل

نازىل

نازىنىن

ناس

ناسارا

ناسكى

ناسناس

ناسوس

ناسۋال

ناسۋال قاپاق

ناسۋالچى

ناسۋالچىلىق

ناشاد

ناشايان

ناشتا

ناشتا-ناھا

ناشتىسىز

ناشتىلىق

ناشېكەر

ناشې

ناغرا

ناغرىخانا

ناغرا-دۇمباق

ناغرا-سۇناي

ناغرا-كاناي

ناغرىچى

نافتالىن

ناقۇلاي

ناقۇلايلىق

ناكار

ناكارلىق

ناكەس

ناكەسلىك

ناگانⅠ

ناگانⅡ

ناگاندا

ناگان-ناگاندا

ناگاھ

ناگۇلا

ناگۇلالىق

نال

نالايىق

نالە

نالە-پەرياد

نالە-پىغان

نالە-زار

نالەش

ناللىق

نالىلىق

نام

نام كۆتۈرمەك

نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق

نام-ئابرۇي

نام-ئاتاق

ناماتمان

نامارغۇ

ناماز

ناماز چۈشۈرمەك

نامازدىگەر

نامازشام

نامازخان

نامازسىز

نامازشامگۈل

نامازگاھ

ناماقۇل

ناماقۇللۇق

نامايان

نامايەندە

نامايىش

نامايىشچى

نامايىشكارانە

نام-ئەمەل

نامە

نامەرد

نامەردلىك

نامەلۇم

نامەلۇم سان

نامەلۇملۇق

نامەھرەم

نامەھرەملىك

نامچىلىق

نامدار

نامداش

نامرات

نامراتچىلىق

نامراتلاشتۇرماق

نامراتلاشتۇرۇشماق

نامراتلاشتۇرۇلماق

نامراتلاشماق

نامراتلىق

نامزات

نامزاتلىق

نامسىز

نام-شەرەپ

نام-شۆھرەت

ناملىق

نام-نەسەب

نام-نىشان

نام-نىشانسىز

نامۇزۇن

نامۇناسىپ

نامۇنەسەب

نامۇنىشان

نامۇۋاپىق

نامۇۋاپىقلىق

نامۇئەمەل

نامۇشەرىپ

نامىي

نان

نان بەرگەن قولنى چىشلىمەك

نان تەگمەك

نان تېپىپ يېمەك

نان دەسسەپ بەرمەك

نان قېپى

نان كور

نان كورلۇق

ناننىمۇ ئوڭلاپ يېيەلمەيدىغان

نان ئۇرسۇن

نېنى پۈتۈن

نېنىنى يېمەك

نانپاراق

نانتاختا

نان-توقاچ

نانجىگدە

نانچۆپ

نانخور

ناندەرىخى

ناندىنا

ناندىنا چاتقىلى

نانسىز

نانقايناق

نانئۇشتا

ناھار

ناھايەت

ناھايىتى

ناھەق

ناھەقچىلىك

ناھەقلىق

ناھەقىقەت

ناھىيە

ناھىيىلىك

نائۇستا

نائۇستىلىق

نائۇشنىك

نائۈمىد شەيتان

نائۈمىدلىك

ناۋاⅠ

ناۋاⅡ

ناۋات

ناۋاتتەك

ناۋاتچى

ناۋاتچىلىق

ناۋادا

ناۋازىش

ناۋالىقⅠ

ناۋالىقⅡ

ناۋاي

ناۋايخانا

ناۋايلىق

ناۋايى

نائېنىق

نائىب

نائىل

نائىلاج

نائىلاجلىق

نائىنساب

نائىنسابلىق

نايرا

نايمان

نايناق

نايناقلاتماق

نايناقلاشماق

نايناقلىق

نايناقلىماق

نەⅠ

نە چاغ

نەدىن بىلسۇن

نە زامان

نە قەدەر

نە كەم

نە ۋاقىت

نەⅡ

نەⅢ

نەبى

نەپ

نەپەر

نەپەس

نەپىسىنى راسلىماق

نەپىسىنى ئىچىگە يۇتماق

نەپىسى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك

نەپەسداش

نەپەسسىز

نەپەسلەندۈرمەك

نەپەسلەندۈرۈشمەك

نەپەسلەنمەك

نەپەسلىك

نەپرەت

نەپرەتلەندۈرمەك

نەپرەتلەندۈرۈلمەك

نەپرەتلەنمەك

نەپرەتلىك

نەپرەتلىنىشمەك

نەپس

نەپسى ئالدىراپ كەتمەك

نەپسى ئاۋارىسى

نەپسى بالا

نەپسى بالانى يەيدىغان

نەپسى تاقىلدىماق

نەپسىگە بالا تەگكۈر

نەپسىگە ئوت كەتمەك

نەپسى يوغىنىماق

نەپسانىي

نەپسانىيەت

نەپسانىيەتچى

نەپسانىيەتچىلىك

نەپسانىيەتلىك

نەپسىز

نەپلىك

نەپىس

نەپىسلەشمەك

نەپىسلەشتۈرمەك

نەپىسلىك

نەپىقە

نەتىجە

نەتىجىدە

نەتىجىسىز

نەتىجىلەنمەك

نەتىجىلىك

نەچە (نە: چە)

نەچچە

نەچچە جېنىڭ بار

نەچچە قاپاق پىششىقى بار

نەچچە ئۈجمە پىششىقى بار

نەچچە-نەچچە

نەچچەيلەن

نەچچىلەپ

نەچچىلىك

نەچچىلىگەن

نەچچىنچى

نەچچىنچىلىك

نەخكەش

نەدە

نەدىكى

نەدىكىنى

نەرە

نەرە تارتماق

نەرخ

نەرخ-ھاۋا

نەرسە

نەرسە-كېرەك

نەرسىلەشتۈرۈش

نەرگىسگۈل

نەزەر

نەزەر ئاغدۇرماق

نەزەر تاشلىماق

نەزەردە تۇتماق

نەزەردىن ساقىت قىلماق

نەزەر كۆزىنى سالماسلىق

نەزەرگە ئالماق

نەزەرگە سىغماسلىق

نەزىرىدىن چۈشمەك

نەزىرى ئۈستۈن

نەزەربەند

نەزەرسىز

نەزەرىيە

نەزەرىيىچى

نەزەرىيىسىز

نەزەرىيىلىك

نەزەرىيىۋى

نەزم

نەزمسىز

نەزمشۇناس

نەزمشۇناسلىق

نەزمىي

نەزىر

نەزىرە

نەزىر-چىراغ

نەزىر-نىياز

نەس

نەسەب

نەسەبچىلىك

نەسەبسىز

نەسەبشۇناس

نەسەبشۇناسلىق

نەسەبلىك

نەسەبنامە

نەسر

نەسرىي

نەسرىي شېئىر

نەسلىك

نەسلى-ۋەسلى

نەسىل

نەسىلچىلىك

نەسىلداش

نەسىلداشلىق

نەسىلسىز

نەسلسىزلىك

نەسىللەندۈرمەك

نەسىللەندۈرۈشمەك

نەسىللەنمەك

نەسىللىك

نەسىھەت

نەسىھەتچى

نەسىھەتچىلىك

نەسىھەتگۇي

نەسىھەتگۇيلۇق

نەسىھەتنامە

نەشە

نەشپۈت

نەشپۈتلۈك

نەشتەر

نەشتىرىنى تىقماق

نەشتىرىنى سانجىماق

نەشتەرلەنمەك

نەشتەرلىمەك

نەشر

نەشرىيات

نەشرىياتچىلىق

نەشىخور

نەشىخورلۇق

نەشىكەش

نەغەزگۈل

نەغمە

نەغمە-ناۋا

نەغمىچى

نەغمىچىلىك

نەغمىكەش

نەغمىلىك

نەق

نەق پۇل

نەق چوت

نەق گەپ

نەق مال

نەق مەيدان

نەقدانە

نەقرات

نەققاش

نەققاشلىق

نەقلەشتۈرمەك

نەقلەشمەك

نەقلىيات

نەقمۇنەق

نەق-نېسى

نەقىش

نەقىشچى

نەقىشلەتمەك

نەقىشلەنمەك

نەقىشلىك

نەقىشلىمەك

نەقىل

نەلىك

نەلىن

نەم

نەمتېپە

نەمخۇش

نەمدەتمەك

نەمدەشمەك

نەمدەلمەك

نەمدىمەك

نەمسىز

نەمسىزلىك

نەملەشتۈرمەك

نەملەشمەك

نەملىشەڭگۈ

نەملىك

نەمۇنە

نەمۇنىچى

نەمۇنىچىلىك

نەمۇنىلىك

نەنمۇ

نەنمۇ دەرىخى

نەھۋى

نەئۇزۇبىللا

نەۋ

نەۋباھار

نەۋجۇۋان

نەۋرە

نەۋرە-چەۋرە

نەۋرىلىك

نەۋقىران

نەي

نەيچە

نەيچى

نەيرەڭ

نەيرەڭچى

نەيرەڭۋاز

نەيرەڭۋازلىق

نەيزە

نەيزۇ

نەيزىچى

نەيزىلەتمەك

نەيزىلەشمەك

نەيزىلەنمەك

نەيزىلىك

نەيزىلىمەك

نەيزىۋاز

نەيزىۋازلىق

نەيلىك

نگۇلترۇم

نوبېل

نوبېل مۇكاپاتى

نوبېلىي

نوپ

نوپۇز

نوپۇزسىز

نوپۇزلۇق

نوپۇس

نوپۇسشۇناس

نوپۇسشۇناسلىق

نوپۇق

نوتاⅠ

نوتاⅡ

نوتاⅢ

نوتىلىق

نوچى

نوچىلاشماق

نوچىلىق

نوختا

نوختىسىز

نوختىسىزلىق

نوختىلاتماق

نوختىلانماق

نوختىلىق

نوختىلىماق

نوختىۋاغ

نوخلا

نوخلىسىنى ئالماق

نوخلىسى ئۆسمەك

نورⅠ

نورⅡ

نورلۇق

نورما

نورمال

نورمالسىز

نورمالسىزلاشماق

نورمالسىزلىق

نورماللاشتۇرماق

نورماللاشتۇرۇشماق

نورماللاشتۇرۇلماق

نورماللاشماق

نورماللىق

نورمىسىز

نورمىلىق

نورۇز

نورۇزگۈل

نورۇزلۇق

نوسىلكا

نوغاي

نوغلا

نوغۇچ

نوغۇچ-تاختا

نوقاتچىلىق

نوقۇت

نوقۇت كىگىز

نوقۇشتۇرماق

نوقۇشلىماق

نوقۇشماق

نوقۇل

نوقۇماق

نوكەش

نوگاي

نوگايلىماق

نوم

نومايەن

نوموگرافىيە

نوموگرامما

نومۇر

نومۇرسىز

نومۇرسىزلىق

نومۇرلۇق

نومۇس

نومۇس قىلماق

نومۇس كۈچىدىن

نومۇسىغا تەگمەك

نومۇسچان

نومۇسچانلىق

نومۇسسىز

نومۇسسىزلارچە

نومۇسسىزلىق

نومۇسلۇق

نومىنال

نوۋۇكائىن

نوۋېللا

نويابىر

نۇتۇق

نۇجۇم

نۇجىغاي

نۇرⅠ

نۇرⅡ

نۇرⅢ

نۇرانە

نۇرسىز

نۇرسىزلاندۇرماق

نۇرسىزلانماق

نۇرسىزلىق

نۇرغۇن

نۇرغۇن قازاندا قاينىغان

نۇرغۇنلۇق

نۇرغۇنلىماق

نۇرغۇن-نۇرغۇن

نۇرلانە

نۇرلاندۇرماق

نۇرلانماق

نۇرلۇق

نۇرىت

نۇرىستان

نۇزۇ

نۇسخا

نۇسخىئالغۇ

نۇسخىلىق

نۇسرەت

نۇسرەتلىك

نۇقتا

نۇقتىلىق

نۇقتىۋى

نۇقتىئىنەزەر

نۇقسان

نۇقسانسىز

نۇقسانلىق

نۇكلون

نۇكلون رېئاكسىيىسى

نۆتۈرىمەك

نۆشۈدۈر

نۆكەر

نۆكچە

نۆل

نۆلگە تەڭ

نۆلىنچى

نۆللۈك

نۆۋەت

نۆۋەتتىكى

نۆۋەتچى

نۆۋەتچىلىك

نۆۋەتسىز

نۆۋەتلەشتۈرمەك

نۆۋەتلەشمە

نۆۋەتلەشمەك

نۆۋەتلىشىش

نۆۋەتلىك

نۆۋەر

نې

نېپتون

نېپتۇنىي

نېپىر

نېپىز

نېپىزلەتمەك

نېپىزلەشمەك

نېپىزلەنمەك

نېپىزلىمەك

نېتەي

نېچۈك

نېچۈن

نېرۋا

نېرۋا كېسىلى

نېرۋىسى بۇزۇلماق

نېرۋىسى جايىدا

نېرۋانا

نېرۋىلىق

نېرى

نېرى تۇر، بېرى تۇر دېمەك

نېرى-بېرى

نېرىن

نېرىنچى

نېزىقىغاق

نېزىقىماق

نېسى

نېسىدىن تەلىيىم يوق

نېسىپ

نېسىۋە

نېفېلىن

نېفىت

نېفىت گازى

نېفىتلىك

نېكروز

نېكروزلانماق

نېگاتىپ

نېگىر

نېگىر-ئاۋسترالىيە ئىرقى

نېگىز

نېگىزلىك

نېلۇپەر

نېمانچە

نېمانداق

نېمە

نېمە قىلاي

نېمە ئۈچۈن

نېمىسىنى دەيسەن

نېمىسىنى ئېيتىسەن

نېمەت

نېمەتلىك

نېمىدەپ

نېمىدۇر

نېمىدېگەن

نېمىس

نېمىسچە

نېمىشقا

نېمىشقا دېسەڭ

نېمىشقىدۇر

نېمىكى

نېمىگە

نېمىگىدۇر

نېمىنىدۇر

نېئودىمىي

نېئورگانىك

نېئورگانىك خىمىيە

نېئون

نېئونلۇق

نېئونلۇق لامپا

نېۋرىن

نېيترال

نېيتراللاشتۇرماق

نېيتراللاشماق

نېيتراللانماق

نېيترون

نېيترىنو

نى

نى ئات، نى نومۇس

نىپاق

نىتراتلار

نىتراتلىماق

نىترو

نىتروسېلليۇلوزا

نىتروگلىتسېرىن

نىتروگېن

نىترولاشماق

نىجات

نىجاتكار

نىجاتلىق

نىجاسەت

نىجىس

نىجىم

نىخ

نىخلىق

نىدا

نىزا

نىزالاشتۇرماق

نىزالاشماق

نىزام

نىزامچى

نىزامچىلىق

نىزامسىز

نىزامسىزلىق

نىزاملىق

نىزامنامە

نىسبەت

نىسبەتەن

نىسبەتلەشتۈرمەك

نىسبەتلەشمەك

نىسبەتلىك

نىسبىي

نىسبىي ھەقىقەت

نىسبىيچىلىك

نىسبىيلىك

نىسبىيلىك نەزەرىيىسى

نىسپ

نىسپىي

نىسپىيشەپ

نىسپىيلىك

نىشاپ

نىشالا

نىشالىچى

نىشان

نىشانە

نىشانداش

نىشانسىز

نىشانسىزلىق

نىشانلاشماق

نىشانلانماق

نىشانلىق

نىشانلىماق

نىقاب

نىقابسىز

نىقابلاتماق

نىقابلاشماق

نىقابلانماق

نىقابلىق

نىقابلىماق

نىقتاشماق

نىقتالماق

نىقتىماق

نىقسىماق

نىكاھ

نىكاھ غايىب

نىكاھسىز

نىكاھلاتماق

نىكاھلاشماق

نىكاھلاندۇرماق

نىكاھلانماق

نىكاھلىق

نىكاھلىماق

نىكوتىن

نىكېل

نىكېللاتماق

نىكېللانماق

نىكېللىماق

نىگار

نىل

نىلقا

نىلون

نىم

نىمام

نىمپەدە

نىمتە

نىمتىلەنمەك

نىمتىلىمەك

نىمجان

نىمجانلىق

نىمچارەك

نىمچە

نىمچىلىك

نىمكار

نىمكەش

نىمئىششەك

نى-نى

نىئوبىت

نىئوبىي

نىۋېلىر

نىۋېلىرلىمەك

نىياز

نىيەت

نىيەتداش

نىيەتلەنمەك

نىيەتلىك

نىيەت-ئىقبال

نيۇتون

نيۇتون قانۇنى

ئىزاھى

ن

  • ن[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە ئۈچىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ن» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ن»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ن»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ن»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ن»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «نې».

  • «ن» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۇچى چىش تۈۋى تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن دىماق تاۋۇشى، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

  • «ن» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • پېئىللارنىڭ شەخس قوشۇمچلىرىدىن Ⅰ شەخس بىرلىك «مەن»، Ⅱ شەخس بىرلىك «سەن» نىڭ ئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشى جانلىق تىلدا چۈشۈپ قالسىمۇ، ئەدەبىي تەلەپپۇزدا ھەم ئىملادا چۈشۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا جانلىق تىلدا

  • كېلىمەن كېلىمە

  • يازىمەن يازىمە

نائەھلىي

  • نائەھلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەس، ۋىجدانسىز، ئىپلاس:[مىسال:] ھۇ نائەھلىي، ئىنساپسىز ئوغرىلار كۈچۈكۈم-كۈچۈكۈم دېسە...ھەددىڭلاردىن ئېشىپ كېتىۋاتىسىلەر دېدى ھېلىقى كىشى ئاچچىقىغا پايلىماي.

نائەھلىيلىك

  • نائەھلىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەسلىك، ئىپلاسلىق، ۋىجدانسىزلىق:[مىسال:] نائەھلىيلىك قىلماق.

ناباب

  • ناباب[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① باب كەلمەيدىغان، مۇۋاپىق ئەمەس، نامۇۋاپىق، ماس ئەمەس:[مىسال:] يېزىقچىلىقتا ماھارەت يېزىشتا ئەمەس، بەلكى ناباب جايلارنى قىسقارتىۋېتىشتە.[يەشمىسى:] ② يۈرۈش-تۇرۇشى، قىلىقى يامان، يارىماس؛بۇزۇق، ئەسكى:[مىسال:] سىدىق ناباب بالا بولدى.

نابابلىق

  • نابابلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① باب، مۇۋاپىق كەلمەسلىك، نامۇۋاپىقلىق.[يەشمىسى:] ② بۇزۇقلۇق، ئەسكىلىك.

ناباتات

  • ناباتات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەر:[مىسال:] تەلىم-تەربىيە ئالدۇق دەپ، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈشىدۇ ناباتات بىلەن ئىنسان ئوخشامدۇ ئىنسان دېگەننىڭ جېنى بار، ناباتاتنىڭ جېنى يوق.

نابور

  • نابور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مەتبەئەچىلىكتە تېكىستكە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ تىزىلغان ھەرپ ۋە ھەرپ تىزىش ئىشى:[مىسال:] نابور بۆلۈمى. نابور سېخى.

نابورچىك

  • نابورچىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] باسمىخانىدا ھەرپ تىزىدىغان ئىشچى.

نابورچىكلىك

  • نابورچىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باسمىخانىلاردا ھەرپ تىزىش ئىشى:[مىسال:] ئۇ مۇشۇ زاۋۇتتا ئون يىلدىن بېرى نابورچىكلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

نابۇت

  • نابۇت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يوقالغان، ھالاك بولغان، ۋەيران بولغان:[مىسال:] نابۇت بولماق. نابۇت قىلماق.

ناپاك

  • ناپاك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پاسكىنا، مەينەت؛بۇلغانغان، تەركىبى ساپ بولمىغان:[مىسال:] يىراق بول، كىيىملىرىڭ ناپاك بولىدۇ، دېدى ئۇ بالىسىنى چەتكە تارتىپ.[يەشمىسى:] ② غۇسۇل قىلمىغان، يۇيۇنمىغان؛ بۇزۇق، شاللاق:[مىسال:] ناپاك ئايالنى سۆرەپ يۈرسەڭ قانداق بۇلۇر، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان ئىللىتى بار، چىرىك، بولمىغۇر:[مىسال:] مەن ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇنداق ناپاك، ئوغرىلارچە تىل بىرىكتۈرۈشكە مەجبۇرمەن.

ناپاكلىق

  • ناپاكلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەينەتلىك، پاسكىنىلىق:[مىسال:] پاك بول، ناپاكلىق ئادەمنى خانىۋەيران قىلىدۇ.

ناتايىن

  • ناتايىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئېنىقسىز، نامەلۇم، ئېنىق بىلگىلى بولمايدىغان:[مىسال:] باشلىق بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا خەلقنىڭ خىزمىتىنى جان-دىل بىلەن ئىشلىشى ناتايىن.

ناترولىت

  • ناترولىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. يانتۇ ياقلىق كرىستال سىستېمىغا كىرىدۇ، قۇراشمىسى كۆپىنچە رادىئوئاكتىپ ياكى رادىئوئاكتىپلىق تالا شەكلىدە بولىدۇ. رەڭسىز، ئاق ياكى سۇس سېرىقتىن قىزىل رەڭگىچە كېلىدۇ. ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە. تالاسىمانلىرى يىپەك پارقىراقلىقىدا بولىدۇ. قاتتىقلىقى 5.5 — 5، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 2.62 — 2.02

ناترىي

  • ناترىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت، بەلگىسى (NATRIUM)Na .كۈمۈش رەڭلىك، يۇمشاق، پارقىراقلىققا ئىگە، ھاۋادا ئوڭاي ئوكسىدلىنىدۇ. ناترىي ۋە ئۇنىڭ تۇزلىرى — ئاش تۇزى، ناترىي ئاساسى ۋە گلابىر تۇزى قاتارلىقلار سانائەتتە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ناترىي يەنە ئادەم مۇسكۇلى ۋە نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ناترىيلىق

  • ناترىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ناترىي بار بولغان، ناترىيغا ئىگە:[مىسال:] ناترىيلىق ئەينەك. ناترىيلىق سېلترا.

ناتسىست

  • ناتسىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ناتسىستزم تەرەپدارى ياكى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى.

ناتسىستزم

  • ناتسىستزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى گېتلېر گېرمانىيىسىنىڭ دۆلەتلىك سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە يۈرگۈزگەن «دۆلەت سوتسىيالىزمى»دېگەن مەنىدىكى ئەكسىيەتچىل تەشەببۇس ھەم سىياسەت. ئەمەلىيەتتە ئۇ گېرمانىيە فاشىزمىدۇر.

ناتوغرا

  • ناتوغرا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرا ئەمەس، خاتا:[مىسال:] ناتوغرا كەسىر.

ناتوغرىلىق

  • ناتوغرىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توغرا ئەمەسلىك، خاتالىق.

ناتونۇش

  • ناتونۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تونۇشمايدىغان، تونۇش ئەمەس، يات:[مىسال:] ئۇ ئۆزىگە ناتونۇش بۇ ئادەمگە سوغۇق مۇئامىلە قىلدى.

ناتونۇشلۇق

  • ناتونۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تونۇشماسلىق، ياتلىق.

ناتۇرا

  • ناتۇرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] رەسىمگە ئېلىش ياكى كىنوغا ئېلىش ئۈچۈن ئوبيېكت بولغان تەبىئىي مەنزىرە، نەرسە، ئادەم ۋە باشقىلار.

ناتۇرال

  • ناتۇرال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① مال، مەھسۇلات بىلەن ئېلىنىدىغان، بېرىلىدىغان، تۆلىنىدىغان:[مىسال:] ناتۇرال ئىش ھەققى. ناتۇرال يەر ئىجارىسى.[يەشمىسى:] ② تەبىئىي ھالەتتىكى، ئەسلىي، تەبىئىي:[مىسال:] ناتۇرال ئىگىلىك.

ناتۇرالىزم

  • ناتۇرالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىدە تەبىئىي پەنلەردىكى تەجرىبىچىلىك پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ تۇرمۇشقا مۇئامىلە قىلىش ۋە تۇرمۇشنى كۆزىتىش تەشەببۇس قىلىنغان بىر خىل يامان خاھىش.

ناتۇرىزم

  • ناتۇرىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئىپتىدائىي ئىنسانلاردا بولغان تەبىئەت كۈچلىرىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بىر خىل دىن.

ناتىق

  • ناتىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سۆزمەن، نۇتۇق سۆزلەش ئىقتىدارى يۇقىرى، گەپكە ئۇستا، گەپدان:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى پائالىيەتچان، ھارماس ھەمدە ناھايىتى ناتىق ئادەم ئىدى.

ناتىقلىق

  • ناتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۆزمەنلىك، گەپدانلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ ناتىقلىقى لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى.

ناتىنچ

  • ناتىنچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىنچ ئەمەس؛ تىنچلىقى، ئاسايىشى بۇزۇلغان؛ تاراق-تۇرۇق، ۋاراڭ-چۇرۇڭى كۆپ:[مىسال:] ئۇ چاغدا بۇ يەرلەر ناھايىتى ناتىنچ ئىدى.

ناتىۋان

  • ناتىۋان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەھۋالى ناچار، زەئىپ، كۈچسىز، نىمجان؛ بىچارە، ئاجىز:[مىسال:] ئايخان خۇددى قەپەسكە سولانغان بۇلبۇلدەك ناتىۋان بولۇپ قالدى.

ناتىۋانلىق

  • ناتىۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاجىزلىق، بىچارىلىك:[مىسال:] ئۆزۈمنىڭ ناتىۋانلىقىمغا قارىماي، ئاشۇنداق گۈمبەز قۇرۇش نىيىتىدە بىرقانچە يىللار ئىزدەندىم، ئۆگەندىم، يىغدىم ۋە يېزىشقا كىرىشتىم.

ناجاڭ

  • ناجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نازۇك، زەئىپ، ئاجىز، ئىنچىكە.

ناجىنس

  • ناجىنس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بۇزۇق، ئىپلاس، پەس، رەسۋا:[مىسال:] كىم بولاتتى، ھېلىقى جەننەت دېگەن ناجىنس، ناقىسچۇ، مارىخان ئاچچىق بىلەن غۇدۇڭشىدى.

ناچا

  • ناچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاستىنقى يىپىنى ئورايدىغان كىچىك غالتىكى ياكى غالتەككە ئوخشاش ئەسۋابى.[يەشمىسى:] ② موكىنىڭ يىپ تۈرگۈسى (توقۇمىچىلىقتا).

ناچار

  • ناچار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ياخشى ئەمەس، ئەسكى؛ ئۆلچەمگە يەتمىگەن، نورمال چەكتىن تۆۋەن، لاياقەتسىز:[مىسال:] ناچار كىتاب خۇددى ناچار ئادەمگە ئوخشاش ساڭا زىيان كەلتۈرىدۇ.

ناچارلاشماق

  • ناچارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ناچار ھالەتكە كەلمەك، ناچار بولۇپ قالماق، ناچارلىماق، ئەسكىرىمەك:[مىسال:] بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كەتكەنىدى.

ناچارلىق

  • ناچارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياخشى ئەمەسلىك؛ لاياقەتسىزلىك:[مىسال:] بۇ مېنىڭ مىجەز-خۇلقۇمدىكى ناچارلىقمۇ بىلەلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇنداق قىلىشنى خالىمايمەن.

ناچارلىماق

  • ناچارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ناچار ھالەتكە كەلمەك، ناچارلاشماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۈندىن-كۈنگە ناچارلاپ كېتىۋاتىدۇ.

ناخشا

  • ناخشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەلگىلىك ئاھاڭغا سېلىنىپ ئېيتىلىدىغان شېئىرىي ئەسەر، غەزەل:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا يۈرەكنى ئەزگۈدەك مۇڭلۇق ناخشا ئاۋازى كەلدى.

ناخشا-ئۇسسۇل

  • ناخشا-ئۇسسۇل[يەشمىسى:] ناخشا ۋە ئۇسسۇل:[مىسال:] يالغۇز ئاجايىپ ناخشا-ئۇسسۇلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ماھىرلىقىمىز بىلەن ماختىنىپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ.

ناخشىچى

  • ناخشىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناخشا ئېيتىشقا ئۇستا، ناخشىنى ياخشى ئېيتىدىغان كىشى:[مىسال:] ئۇ ھېلىقى ناخشىچى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى.

ناخشىچىلىق

  • ناخشىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناخشا ئېيتىشنى كەسىپ قىلىش، ناخشا ئېيتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى:[مىسال:] ئۇيغۇر ناخشىچىلىقى خېلى بۇرۇنلا دۇنياغا مەشھۇر ئىدى.

ناخشىسىز

  • ناخشىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناخشا يوق، ناخشا ئېيتىلمىغان:[مىسال:] ناخشىسىز، مۇزىكىسىز تۇرمۇشنىڭ قانچىلىك مەززىسى بار

ناخشىلىق

  • ناخشىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناخشا ئېيتىلغان، ناخشا بىلەن ئورۇنلانغان، ناخشا بار:[مىسال:] ناخشىلىق مۇزىكا.

ناخۇش

  • ناخۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇش ئەمەس، كۆڭۈلسىز، پەرىشان:[مىسال:] ئۇ قانداقمۇ دوكتۇر بولسۇن دېدى يىگىت ناخۇش ھالدا.

ناخۇن

  • ناخۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تەمبۇر تارىنى چېكىپ چېلىش ئۈچۈن ئىشلتىلىدىغان نەرسە.

ناخۇنلىماق

  • ناخۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەمبۇرنى ناخۇن بىلەن چالماق:[مىسال:] مۇقاملار شەيداسى گۈزەل قىز، ناخۇنلاپ تەمبۇرنى چالسا گەر. قەقنۇس غۇنچىدەك قان يۇتار، ھوشىنى يوقىتىپ شام-سەھەر.

نادامەت

  • نادامەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن روھى جەھەتتىن پەيدا بولغان ئازاب، بىئاراملىق، پۇشايمان، ئۆكۈنچ، ئەپسۇس:[مىسال:] نادامەت چەكمەك. نادامەت قىلماق.

نادامەتلىك

  • نادامەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇشايمانلىق، ئۆكۈنچلۈك، روھىي ئازاب، پۇشايمان سېزىلىپ تۇرغان:[مىسال:] ئېرپان يىغا ئارىلاش ئاڭلىنىۋاتقان نادامەتلىك ئۈنگە قۇلاق سالدى.

نادان

  • نادان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىلىم-پەندىن خەۋىرى يوق، ئاڭ چۈشەنچىسى نىسبەتەن تۆۋەن، تەربىيىلىنىشى تولۇق بولمىغان ياكى تەربىيە كۆرمىگەن:[مىسال:] نادان ئادەم.[يەشمىسى:] ② زېھنىي ئىقتىدارى تۆۋەن، دۆت، گالۋاڭ، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان:[مىسال:] قانداق نادان بالا ماۋۇ، ئوھۇش، دېدى ھېلىقى خوتۇن پەرھاتنىڭ قوللىرىنى قاتتىق سىلكىپ، ئاۋۇ چەتكە قويمامسەن

نادانلارچە

  • نادانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نادانلارغا ئوخشاش، نادانلاردەك، نادانلىق بىلەن:[مىسال:] بولدى، بولدى، دېدى سەمەتنى توسۇپ، بۇنداق نادانلارچە ئىش قىلمايلى، بۈگۈن كېتىپ، ئەتە كەلسەك بولمىدىمۇ

نادانلاشتۇرماق

  • نادانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «نادانلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نادانلاشماق

  • نادانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نادان ھالەتكە كەلمەك، بىلىمسز، پەم-پاراسەتسىز بولۇپ قالماق، گالۋاڭلاشماق:[مىسال:] ئادەم گېزىت-ژۇرنال، كىتاب ئوقۇماي، كىنو-تىياتىر كۆرمەي، رادىئو ئاڭلىماي چەت-ياقا جايلاردا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسىمۇ نادانلىشىپ قالىدىكەن.

نادانلىق

  • نادانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نادان كىشلەرگە خاس قىلىق-ھەرىكەت، ئەخمەقلىق:[مىسال:] مەن نادانلىق قىلىپتىمەن، كەچۈرسىلە دېدى ئۇ بەگنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ.

نادىر

  • نادىر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەم تېپىلىدىغان، كەم ئۇچرايدىغان، ناھايىتى ئېسىل، ئەلا؛ بىباھا، قىممەتلىك:[مىسال:] شائىر نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نار

  • نار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئۆركەشلىك ئەركەك تۆگە.

نارازى

  • نارازى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رازى بولمىغان، قوشۇلمىغان، قانائەتلەنمىگەن؛ قارىشى؛ خۇشال، مەمنۇن بولمىغان، خۇرسەن ئەمەس:[مىسال:] نارازى بولماق. نارازى قىلماق.

نارازىلىق

  • نارازىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رازى بولماسلىق:[مىسال:] شەھەر خەلقىنىڭ پەيلى يامان ئىدى، نارازىلىق كۈنسىرى كۈچىيىپ، بارغانسېرى خەۋپلىك تۈس ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

نارەسىدە

  • نارەسىدە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بالاغەتكە، ۋايىغا يەتمىگەن:[مىسال:] نارەسىدە بالا. نارەسىدە قىز.

نارەنجى

  • نارەنجى[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] قىزىل بىلەن سېرىقنىڭ قوشۇلىشىدىن پەيدا بولغان، ئاپېلسىن ياكى كاۋا چېچىكىگە ئوخشايدىغان بىر خىل مۇرەككەپ رەڭ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ خىل رەڭگە ئىگە:[مىسال:] نارەنجى رەخت.

نارزان

  • نارزان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كاربونات ئانگىدرىدلىق مىنېرال سۇ.

ناركوتىك

  • ناركوتىك[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناركوز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار. مەسلەن، ئېتىل، ئېفىر، خلوروفورم، كوكايىن، پروكائىن قاتارلىقلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناركوز قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] ناركوتىك ماددىلار.

ناركوز

  • ناركوز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىھوش، سەزمەس قىلىش:[مىسال:] ناركوز قىلماق.

ناز

  • ناز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا يېقىش ئۈچۈن يۈز-كۆزنى ئوينىتىپ قىلىنغان يەڭگىل ھەرىكەت، ئەركىلىك:[مىسال:] ناز قىلماق.

نازارەت

  • نازارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم، نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ ئومۇمىي ياكى ئايرىم تەرەپلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆزىتىش، تەكشۈرۈش:[مىسال:] نازارەت قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئاپتونوم رايونلۇق، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان ئىدارە-ئورگان:[مىسال:] مالىيە نازارىتى.

نازارەتچى

  • نازارەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نازارەت قىلغۇچى، تەكشۈرۈپ تۇرغۇچى، كۆزەتكۈچى كىشى:[مىسال:] ئىمتىھان مەيدانىدا قولتۇقىغا يوغان دەپتەرلەرنى قىستۇرۇۋالغان ئىمتىھان نازارەتچىلىرى ئۇ ياق-بۇ ياققا مېڭىپ يۈرەتتى.

نازارەتچىلىك

  • نازارەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نازارەت قىلىش ئىشى. نازارەتچىلەرنىڭ ئىش-پائالىيىتى:[مىسال:] نازارەتچىلىك قىلماق.

نازاكەت

  • نازاكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، قىلىق-ھەرىكەت ۋە مۇئامىلىسىدىكى نازۇكلۇق، لاتاپەت، ئەدەپ:[مىسال:] بەستى-بويى كېلىشكەن بىر جۇۋان يېقىملىق نازاكەت بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

نازاكەتسىز

  • نازاكەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نازاكىتى يوق، يېقىمسىز، قوپال، بىئەدەپ:[مىسال:] ماڭا بۇ ئايالنىڭ سۆزلىرى قوپال، نازاكەتسىز بىلىندى.

نازاكەتلىك

  • نازاكەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نازاكىتى بار، يېقىملىق؛نازاكىتى بىلەن كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان، زوقلاندۇرىدىغان:[مىسال:] نازاكەتلىك ئالمىخان، دوپپىڭىزغا گۈل بولاي. جان تەسەددۇق ئەيلىدىم، تا ئۆلگۈچە قۇل بولاي.

نازغىتماق

  • نازغىتماق[يەشمىسى:] «نازغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئالدىرىما ئاپا، قومۇش پۆپۈكلىرىنى مىڭ نازغىتىپ ئوينىغان بىلەن بەرىبىر بورا بولىدۇ، دېدى ئۇ.

نازغىتىشماق

  • نازغىتىشماق[يەشمىسى:] «نازغىتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نازغىماق

  • نازغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئويناقشىماق، تولغىنىپ نازلانماق، تولغانماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كىيىملىرى تولىمۇ تار ھەم قىسقا بولغاچقا، ئىش قىلغاندا كۆكسىلىرى لىغىلداپ، بەللىرى نازغىپ تولىمۇ قىزىقارلىق كۆرۈنەتتى.

ناز-كەرەشمە

  • ناز-كەرەشمە[يەشمىسى:] «نازۇكەرەشمە»گە قاراڭ.

نازلانماق

  • نازلانماق[يەشمىسى:] «نازلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئايخان سۈزۈك لەۋلىرىنى ھىمىرىپ، رۇستەمنىڭ تەلەپچان كۆزلىرىگە نازلىنىپ قارىدى.

نازلىق

  • نازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نازى بار، ناز ئارىلاش، خۇلقلۇق؛ يېقىملىق:[مىسال:] شەپە بەرمىگەن بولسام قارىماي كېتەتتىڭىز ھە دېدى ناۋاتخان نازلىق ئاۋاز بىلەن قېيىدىغاندەك.

نازلىماق

  • نازلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ناز قىلماق، ئەركىلىمەك، ئويناقشىماق، خۇلق قىلماق:[مىسال:] قىز بالىنىڭ يىغلىغىنى — نازلىغىنى (ماقال).

ناز-نېمەت

  • ناز-نېمەت[يەشمىسى:] «نازۇنېمەت»كە قاراڭ.

نازۇك

  • نازۇك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىنچىكە، زىلۋا:[مىسال:] مەن بىر قولۇم بىلەن ئۇنىڭ نازۇك بارماقلىرىنى تۇتتۇم.[يەشمىسى:] ② يۇقىرى ماھارەت ھەم كۆپ ئەجىر بىلەن ئىشلەنگەن، ئىشلىنىشى نەپىس، ئېسىل؛ مۇرەككەپ، چىگىش:[مىسال:] تراكتورنىڭ نازۇك بىر سايمىنى ئىشتىن چىقىپ، تراكتور ھەرىكەتتىن توختىغانىدى.[يەشمىسى:] ③ ئۆزىگە خاس قىيىن تەرەپلىرى بولغان، ئالاھىدە ماھارەت، بىلىم تەلەپ قىلىدىغان؛ ئورۇنلاش، بېجىرىش ئەڭ قىيىن بولغان:[مىسال:] ئۇ بۇ قېتىمقى نازۇك ئىلمىي تەجرىبىنى غەلىبىلىك تاماملىدى.[يەشمىسى:] ④ سۆيۈملۈك، يېقىملىق، ئوماق، كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ نازۇك بەدىنى كۆز ئالدىمغا كەلدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالاھىدە ئېتىبار تەلەپ قىلىدىغان؛ تۈرلۈك تەسىرلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، بىرەر تەسىرنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان، سۆز-ھەرىكەتكە قارىتا سەزگۈر، ئەمما گەپ كۆتۈرەلمەيدىغان:[مىسال:] بۇرۇنلا نازۇك مىجەز ئىدىڭ، قارىغىنا سازلىقلار ئۆزگەردى، سېنىڭ مىجەزىڭ بولسا تېخىچىلا كونا پېتى[يەشمىسى:] ⑥ سىلىق، يېقىملىق، نازاكەتلىك، ئەۋرىشىم:[مىسال:] قىزمۇ قېرىلارغا نازۇك بىر ھەرىكەت بىلەن سالام بەردى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاجىز، بوش، زەئىپ، چىدامسىز:[مىسال:] ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق (ماقال).[يەشمىسى:] ⑧ سىرلىق، كىشىنى ھەم سۆيۈندۈرىدىغان ھەم ئەنسىرىتىدىغان:[مىسال:] كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارا-بارا مەندە ئۇنىڭغا قارىتا بىر خىل نازۇك تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىغانىدى.[يەشمىسى:] ⑨ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

نازۇكەرەشمە

  • نازۇكەرەشمە[يەشمىسى:] ناز ۋە كەرەشمە؛ ئومۇمەن ئويناقشىپ، ئەركىلەپ قىلىنغان قىلىق-ھەرىكەتلەر:[مىسال:] ئۇ شۇنداق قارىۋىدى، ئۆزىگە نازۇكەرەشمە بىلەن ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان پەرىزاتنى كۆردى.

نازۇكلاشتۇرماق

  • نازۇكلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «نازۇكلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نازۇكلاشماق

  • نازۇكلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نازۇك ھالغا كەلمەك، نازۇك بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىنىڭ يۇمشاپ، نازۇكلىشىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى.

نازۇكلۇق

  • نازۇكلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نازۇك ھالەت ياكى نازۇك كىشىلەرگە خاس قىلىق-ھەرىكەت، ئادەت:[مىسال:] ئۇنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىدە ئاللىقانداقتۇر نازۇكلۇق بار ئىدى.

نازۇنېمەت

  • نازۇنېمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەبىئەت ئاتا قىلغان تۈرلۈك نېمەتلەر ۋە يەل-يېمىشلەر:[مىسال:] يايدى ئالدىمغا ئۇلار كەڭ داستىخان، نازۇنېمەتلەر تىزىلدى يانمۇيان.

نازىر

  • نازىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نازارەتنىڭ باشلىقى:[مىسال:] مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى. سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى.

نازىركۇم

  • نازىركۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر خەلق كۈيلىرىدىن بىرى ۋە شۇ كۈيگە ئوينىلىدىغان بىر خىل ئۇسسۇل. ئۇ ئاساسەن تۇرپان ۋىلايىتىدە ئومۇملاشقان.

نازىرلىق

  • نازىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نازىرغا يۈكلەنگەن ئەمەل، ۋەزىپە، ئىش:[مىسال:] ئۇنىڭ نازىرلىق قىلىۋاتقىنىغا تۆت يىلدەك بولۇپ قالدى.

نازىگۈل

  • نازىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ناز+ى+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① قوڭغۇراقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

نازىل

  • نازىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چۈشكەن، ئەۋەتىلگەن:[مىسال:] نازىل بولماق. نازىل قىلماق.

نازىنىن

  • نازىنىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چىراي-تۇرقى، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، گۈزەل، ناھايىتى چىرايلىق (قىز-ئاياللار ھەققىدە):[مىسال:] بارارغا يوللىرىڭ بولسۇن، قىزىلگۈل ھەمراھىڭ بولسۇن، سېنىڭدەك نازىنىن يارغا، مېنىڭدەك قۇللىرىڭ بولسۇن.

ناس

  • ناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۆك تاماكا بىلەن چاكاندا كۈلىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بىر خىل چېكىملىك.

ناسارا

  • ناسارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى.

ناسكى

  • ناسكى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئوشۇقنى بېسىپ تۇرىدىغان قىسقا پايپاق.

ناسناس

  • ناسناس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قانداقلا نەرسە بولسا يەۋېرىدىغان، تاماق تاللىمايلا يەپ كېتىدىغان، ئاچ كۆز:[مىسال:] ناسناس ئادەم.

ناسوس

  • ناسوس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق ياكى گازنى تارتىپ چىقىرىش ياكى بىر نەرسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب:[مىسال:] ۋېلىسىپىت ناسوسى. ھاۋا ناسوسى. ناسوس بىلەن سۇ چىقارماق.

ناسۋال

  • ناسۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «ناس»قا قاراڭ:[مىسال:] سادىق بوۋاي ئاچچىقىنى بىر چىمدىم ناسۋال بىلەن بېسىپ، ناسىرنىڭ بىقىنىدىن ئورۇن ئالدى.

ناسۋال قاپاق

  • ناسۋال قاپاق[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قاپاقنىڭ ئۆزگەرگەن بىر تۈرى. ئۇنىڭ قاپاقتىن پەرقى شۇكى، كۆپ مېۋىلەيدۇ، مېۋىلىرى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر چوڭلۇقتا بولىدۇ. ناس چېكىدىغانلار كۆپىنچە ناسنى مۇشۇ قاپاققا سالىدۇ.[يەشمىسى:] ② ناسۋال چېكىدىغانلار ناسۋال قۇيۇپ يېنىدا ساقلايدىغان كىچىك قاپاق:[مىسال:] بەزى ئەزالارنىڭ ھۆپۈپ قىچقارغان چاغدا يەيدىغان ئېشى تۈگەپ كېتىپ «ناسۋال قاپاققا نان بارمۇ»دەپ خۇرجۇن كۆتۈرۈپ چىققىلى تاس قالدى.

ناسۋالچى

  • ناسۋالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناسۋال تەييارلىغۇچى ياكى ئۇنى ساتقۇچى كىشى.

ناسۋالچىلىق

  • ناسۋالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناسۋال تەييارلاش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى.

ناشاد

  • ناشاد[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شاد، خۇشال ئەمەس؛ غەم-قايغۇغا پاتقان، خاپا، مەيۈس:[مىسال:] بولدى نىمجان سۇغا تەشنا بېلىقلىرىڭ، بولدى ھەم غەرق ياشقا يەلكەن قېيىقلىرىڭ. ئەلەم بىلەن ئۆتتۈڭ ئون يىل ناشاد بېغىم.

ناشايان

  • ناشايان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نامۇناسىپ، نالايىق؛ بىمەنە، رەسۋا:[مىسال:] ھاجى ئىشان سېنىڭ ئايتۇرا بىلەن قىلغان ناشايان ئىشىڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنىكەن.

ناشتا

  • ناشتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سەھەردە ئورۇندىن تۇرۇپلا يېيىش ئۈچۈن تەييارلانغان نان-پان، چاي قاتارلىق يېمەكلىك؛ ئەتىگەنلىك تاماق:[مىسال:] ئۇ تراكتورنى قوشنا ئېتىزدا توختىتىپ قويۇپ، ئەتتىگەنلىك ناشتىغا ئۆيگە كەلدى.[يەشمىسى:] ② ناشتا قىلغان ياكى قىلىدىغان ۋاقىت:[مىسال:] ئەتىسى تاھىر ئاكا سەھەر تۇرۇپ ماللىرىغا بوغۇز بەردى. ناشتىدىن كېيىن دۇكانغا باردى.

ناشتا-ناھا

  • ناشتا-ناھا[يەشمىسى:] ناشتىدا يەيدىغان نەرسىلەر:[مىسال:] ئابلىكىم كېيىنكى كۈنلەردىكى ئادىتى بويىچە خاماندىن ئەتتىگەن قايتىپ كېلىشى ۋە بىر ئاز ناشتا-ناھا قىلىۋېلىپ، ئاندىن كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئۇخلىشى لازىم ئىدى.

ناشتىسىز

  • ناشتىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناشتا قىلمىغان، ناشتا قىلماي:[مىسال:] ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن ناشتىسىزلا سىرتقا يۈرۈپ كەتتى.

ناشتىلىق

  • ناشتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناشتا قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان يېمەكلىك، ئەتتىگەنلىك تاماق:[مىسال:] ئاپىسى، ناشتىلىق بىرنەرسەڭلار بولسا، تېزراق بولۇڭلار، بىز ناشتا قىلىپلا ماڭمىساق بولمايدۇ، دېدى توختى ئاكام.

ناشېكەر

  • ناشېكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر تۈرى، تەمى بەك تاتلىق:[مىسال:] پېلىكىگە قاراپلا دەمدۇ خەمەكنى ناشېكەر، يارغۇدەك تىلنى ئۇنىڭدا تەم ۋە لەززەت بولمىسا.

ناشې

  • ناشې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجياڭ، ۋېيىشى، جۇڭدىيەن، يۇڭشېڭ قاتارلىق جايلىرىغا ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يەنيۈەن، يەنبيەن، مولى قاتارلىق جايلىرىغا ئولتۇراقلاشقان.

ناغرا

  • ناغرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرغۇلۇق (سوقما)چالغۇ ئەسۋابى.

ناغرىخانا

  • ناغرىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قۇلاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ناغرا پەردە تۇرىدىغان بوشلۇق.

ناغرا-دۇمباق

  • ناغرا-دۇمباق[يەشمىسى:] ناغرا ۋە دۇمباق:[مىسال:] بىر كۈن ئاۋۋال ناغرا-دۇمباق ياڭرىتىپ ھەم سۇنايلارنى «سەنەم»گە سايرىتىپ، ئەتىسى بايۋەچچىنىڭ بولدى تويى، ئاڭنى ئەگىپ قىلدى جەۋلان قۇرغۇيى.

ناغرا-سۇناي

  • ناغرا-سۇناي[يەشمىسى:] ناغرا ۋە سۇناي:[مىسال:] بىردىنلا ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئۆگزىسىدىن ناغرا-سۇناي ئاۋازى ئاڭلاندى.

ناغرا-كاناي

  • ناغرا-كاناي[يەشمىسى:] ناغرا ۋەكاناي.

ناغرىچى

  • ناغرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناغرا چالىدىغان كىشى، ناغرا چېلىشقا ئۇستا ئادەم:[مىسال:] ناغرىچىلار ئورۇنلاشتى دۆڭلەرگە، ياڭراپ تۇردى مۇڭلۇق، گۈزەل بىر ناۋا. داستىخانلار يىغىلغاندا، پۈتۈن ئەل-شادۇ خۇرام قىلدى ئويۇن ۋە ساما.

نافتالىن

  • نافتالىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى H10C8. رەڭسىز كرىستال بولۇپ، ئالاھىدە پۇرىقى بولىدۇ. كۆمۈر سمولىسىدىن چەككىلەپ ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بوياق، سمولا، پۇراقلىق ماتېرىيال، تېببىي دورا قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ.

ناقۇلاي

  • ناقۇلاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلاي ئەمەس، ئەپسىز، بىئەپ:[مىسال:] يول ئۈستىدە كۆپ تۇرۇشمۇ ناقۇلاي، ئۆيگە كىرىش تېخى ئەپسىز ئىدى.

ناقۇلايلىق

  • ناقۇلايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلايسىزلىق.

ناكار

  • ناكار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئەزاسى ئەسلىي ھالىتىنى، ئىقتىدارىنى يوقاتقان؛ مېيىپ:[مىسال:] ناكار بولماق. ناكار قىلماق.

ناكارلىق

  • ناكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «مېيىپلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ناكارلىقنىڭ ئازابىنى خېلى جىق تارتقان كونا ئەسكەر ئىدى.

ناكەس

  • ناكەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ۋىجدانى، ئىنسابى يوق، يارىماس، قەبىھ، پەسكەش:[مىسال:] تىلىڭنى يىغ ناكەس دېدى مەنسۇر غەزەپ بىلەن ئالدىغا مېڭىپ. *ناكەسكە قەرزدار بولساڭ، يولدا قىستار ھەم گۆردە.

ناكەسلىك

  • ناكەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەس قىلىق-ھەرىكەت، پەسلىك، رەزىللىك:[مىسال:] ئۇنىڭ ناكەسلىكىدىن ئاشۇ تۇتۇلۇپ قالغانلارمۇ ئۆلگۈدەك خورلاندى.

ناگانⅠ

  • ناگانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تاپانچا:[مىسال:] كېلەتتى ئۇ ياقتىنمۇ بىر توپ ئەسكەر، مەردانە ئات چاپتۇرۇپ، مەغرۇر ھامان. ئارقىغا بۇرۇلغاندا قالدى ھاڭ-تاڭ، تۇراتتى قىز ئۇنىڭغا تەڭلەپ ناگان.

ناگانⅡ

  • ناگانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بەزەن، بەزى، گاھى:[مىسال:] چىراي ئويغاتسىمۇ سۆيگۈنى ناگان، چىن سۆيگۈ چىرايغا ھەرگىز قارىماس. پۈتكۈل مال-دۇنياسى بىلەنمۇ خاقان، بىر جانان كۆڭلىنى سېتىپ ئالالماس.[يەشمىسى:] ② كۈتۈلمىگەندە، تۇيۇقسىزدىن، ئۇشتۇمتۇت؛ ئەگەر:[مىسال:] سېنىڭدەك بىناۋا ئالەمگە كەلمەس، ناگان كەلسە كېلۇركى، جاھانغا كەلمەس.

ناگاندا

  • ناگاندا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بەزىدە، گاھىدا؛ ئەگەردە:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن ناگاندا ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ پەلەمپەيلىرىدە، ناگاندا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالاتتىم.

ناگان-ناگاندا

  • ناگان-ناگاندا[يەشمىسى:] ئاندا-ساندا، بەزى-بەزىدە، گاھى-گاھىدا:[مىسال:] بىز ناگان-ناگاندا ئۇچرىشىپ قالاتتۇق.

ناگاھ

  • ناگاھ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۈتۈلمىگەندە، توساتتىن، ئۇشتۇمتۇتتىن، ئويلىمىغان يەردىن؛ بەزىدە:[مىسال:] ناگاھ ئۇ ئويغىنىپ كەتسە بۇ ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى ئېنىق ئىدى.

ناگۇلا

  • ناگۇلا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] نارازى، خاپا؛ غەمكىن:[مىسال:] ئايدىڭ ناگۇلا كۆرۈنەتتى.

ناگۇلالىق

  • ناگۇلالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] نارازىلىق، خاپىلىق؛ غەمكىنلىك:[مىسال:] ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرسىمۇ قاشلىرى ئاستىدا بىلىنەر-بىلىنمەس ناگۇلالىق سېزىلىپ تۇراتتى.

نال

  • نال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمنىڭ پاشنىسىغا ياكى چەمنىڭ ئۇچىغا قېقىلىدىغان، تۆمۈر بۇيۇم، كىچىك تاقا:[مىسال:] ئۆتۈكنىڭ نالى.

نالايىق

  • نالايىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] لايىق-مۇناسىپ ئەمەس، لايىق كەلمەيدىغان، مۇۋاپىق بولمىغان:[مىسال:] ھازىر ئۆزلىرى بويتاقلىقنىڭ دەردىنى ئوبدان تارتىۋاتىدىلا، بۇنداق يۈرۈۋېرىش ئەھلى مۇسۇلمانغا نالايىق ئىش.

نالە

  • نالە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① غەم-ئەلەم، دەرد-ھەسرەتنى ئىپادىلەيدىغان دەردلىك ئاۋاز؛ پەرياد، پىغان:[مىسال:] نالە قىلماق.[يەشمىسى:] ② يالۋۇرۇش، ئىلتىجا، ئۆتۈنۈش قاتارلىق تەلەپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇڭلۇق ئاۋاز، يېلىنىپ قىلىنغان ئىلتىجا ئاۋازى:[مىسال:] ئىت ھۆركىرەپ يىغلاپ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپتۇ. ئۇنىڭ نالىسىگە چىدىماي، ياسىن بىلەن مۈشۈكمۇ يىغلاپتۇ.

نالە-پەرياد

  • نالە-پەرياد[يەشمىسى:] نالە ۋە پەرياد، ئومۇمەن دەردلىك، ئېچىنىشلىق ئاۋازلار:[مىسال:] شۇ كۈنى دادامنىڭ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادى بىردەممۇ بېسىقمىدى.

نالە-پىغان

  • نالە-پىغان[يەشمىسى:] نالە ۋە پىغان:[مىسال:] مۇستەبىتنىڭ تۈرمىلىرى توشوپ كەتتى، ئېزىشلىرى بەك ھەدددىن ئېشىپ كەتتى. غەزەپ-نەپرەت دەريالىرى تېشىپ كەتتى، ھېچ يەتمىدى ئاللاغا بۇ نالە-پىغان.

نالە-زار

  • نالە-زار[يەشمىسى:] نالە ۋە زار:[مىسال:] بۆرە بۇ سۆزلەرنى نالە-زار بىلەن تولغىنىپ تۇرۇپ تۈلكىگە يېلىنىپ ئېيتتى.

نالەش

  • نالەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھەسرەتلىك نالە، ئېچىنىشلىق نالە:[مىسال:] يۇرت ئىچىنى يىغا-زارە، ئىش ئورنىنى ھەسرەت، پىغان، نالەش ئوتلىرى قاپلىدى.[يەشمىسى:] ② ئۇيغۇر خەلق كۈيلىرىدىن بىرىنىڭ نامى:[مىسال:] ئۇ ئاخىرى نالەشكە چېلىپ ھەممەيلەننى بىر خىل مۇڭغا چۆمۈلدۈردى.

ناللىق

  • ناللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نالى بار، نال قېقىلغان، نال بېكىتىلگەن:[مىسال:] ناللىق ئۆتۈك.

نالىلىق

  • نالىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نالە-پەريادى بار، نالە ئارىلاش:[مىسال:] قونغىنىدا نالىلىق سازىڭغا شادلىق بۇلبۇلى، مەي ئىچەرمىز ئولتۇرۇپ، نەزمى ئارا مەي ياغدۇرۇپ.

نام

  • نام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ياكى نەرسىگە مەخسۇس قويۇلغان ئات، ئىسىم:[مىسال:] نام بېرىپ ھاسا دەرىخىگە شۇ دەم. ئاتىشىپتۇ «ئەزىمەت» دەپ ئۇنى ھەم.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ساھە ياكى مەلۇم خىزمەتتە ئېرىشكەن نەتىجلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇتۇق-نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا بېرىلگەن دەرىجە، ئۇنۋان، مەخسۇس ئاتاق:[مىسال:] بۇ قاراۋۇلخانا بۇ نۆۋەت «قاراقۇرۇمدىكى پولات قاراۋۇلخانا»دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.[يەشمىسى:] ③ كۆپچىلىك ئارىسىدىكى داڭق، شۆھرەت، شەرەپ:[مىسال:] ئەل ئارىسىدا گۈلئايىم، چېۋەر قىز دەپ نامىڭ بار. ساڭا لايىق ئوت يۈرەك، مەندەك ئىشچان يارىڭ بار.

نام كۆتۈرمەك

  • نام كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئات كۆتۈرمەك»كە قاراڭ.

نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق

  • نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق[يەشمىسى:] «ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق»قا قاراڭ.

نام-ئابرۇي

  • نام-ئابرۇي[يەشمىسى:] نام ۋە ئابرۇي:[مىسال:] دائىما ئويلاركەن بىر دوسىت تېپىشنى، نام-ئابرۇي قازىنىپ چوڭ يەپ-ئىچىشنى.

نام-ئاتاق

  • نام-ئاتاق[يەشمىسى:] نام ۋە ئاتاق:[مىسال:] ئۆردەك خېنىم سۆزۈڭگە، چۈشەنمىدىم ۋاقاق-ۋاق. نېمە ئۈچۈن ئۆكۈزگە، مەنسۇپ دەيسەن نام-ئاتاق

ناماتمان

  • ناماتمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىگىز باسىدىغان ئۇستا، كىگىزچى.

نامارغۇ

  • نامارغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نەمخۇش.

ناماز

  • ناماز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاغا سېغىنىپ كۈندە بەش قېتىم بېجىرىشى زۆرۈر بولغان ئىبادىتىنىڭ نامى:[مىسال:] ناماز ئوقۇماق. ناماز ۋاقتى.

ناماز چۈشۈرمەك

  • ناماز چۈشۈرمەك[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مېيىتنى دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن مېيىت بىلەن خوشلىشىش ۋە ئۇنى ئاللادىن جەننەت ئاتا قىلىشنى تىلەپ ئوقۇيدىغان نامازنى ئۆتىمەك:[مىسال:] نورۇل بوۋا:[مىسال:] «كېلىڭلار، ئىسلام شەرىئىتى بۇ ئاخۇنۇملارنىڭ كۆڭلىدەك تار ئەمەس. جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈپ باقمىغان بولساممۇ، كۆپ قېتىم كۆرگەنمەن»دېدى دە، ئۆزى ناماز چۈشۈردى.

نامازدىگەر

  • نامازدىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ناماز+دىگەر[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] «دىگەر»گە قاراڭ:[مىسال:] ئۇلار نامازدىگەرنى ئوقۇش ئۈچۈن جايناماز سالدى. * نامازدىگەردىن باشلاپ، پۈتۈن يېزا بويلاپ تىنتىش، تۇتقۇن قىلىش باشلاندى.

نامازشام

  • نامازشام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ناماز+شام[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] «شامⅠ»گە قاراڭ:[مىسال:] ئەپەندىم ئۇلار بىلەن بىللە نامازشامنى ئوقۇپتۇ. * كەچتە، نامازشامدا كەلگىن، دېدى ئۇ سەمەتكە.

نامازخان

  • نامازخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نامازنى تەرك ئەتمەي ئوقۇپ تۇرغۇچى كىشى:[مىسال:] نامازخانلار شام نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن خېلى بالدۇرلا مەسچىتكە كېتىششكەنىدى.

نامازسىز

  • نامازسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناماز ئۆتىمىگەن، ناماز ئوقۇمىغان، بىناماز:[مىسال:] رەئىس ئەپەندىم مۇلازىملىرىغا دەررە كۆتۈرگۈزۈپ، نامازسىزلارنى تەكشۈرەتتى، پەرزنى بىلمىگەنلەرنى ئۇرغۇزاتتى.

نامازشامگۈل

  • نامازشامگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ناماز+شام+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① نامازشامگۈل ئائىلىسدىكى بىر ياكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە ئۇ مەنزىرە ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

نامازگاھ

  • نامازگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جامائەت يىغىلىپ ناماز ئوقۇيدىغان جاي، ئورۇن.

ناماقۇل

  • ناماقۇل[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، قوبۇل قىلغىلى، ماقۇل بولغىلى بولمايدىغان، خاتا، بىمەنە، دۇرۇس ئەمەس:[مىسال:] سەندىن ماڭا ھېچقانداق ناماقۇل سۆز ۋە زىيان يەتمىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەزى جۈملىلەردە «كەچۈرۈم، ئەپۇ سوراش، سەۋەنلىكنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۆزرە ئېيتىش» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يار ھۇجرىسىدا ياتىپ، دېگەن سۆزىگە ماقۇل. يار مەندىن يامانلاپتۇ، مەن يارىمغا ناماقۇل.

ناماقۇللۇق

  • ناماقۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋغا قىلغان نامۇۋاپىق سۆز-ھەرىكىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراش، ئۆزرە ئېيتىش:[مىسال:] تاپقىنى ناماقۇللۇقتىن ئاشماپتۇ (ماقال).

نامايان

  • نامايان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئېنىق، ئوچۇق گەۋدىلەنگەن، روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان:[مىسال:] نامايان بولماق. نامايان قىلماق.

نامايەندە

  • نامايەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇھقا ياكى بىرەر ساھەگە، ئېقىمغا مەنسۇپ بولغان، ۋەكىل خاراكتېرلىق شەخس، ۋەكىل:[مىسال:] ئەبۇناسىرفارابى ئۇلۇغ ئۇيغۇر-قارلۇق ئالىمى، ئوتتۇرا ئەسىر ئارستوتىلچىلىق ئىلمىي تەلىماتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئوخشاش تۈردىكى نەرسىلەر ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ ئالىي ئورۇندا تۇرىدىغان نەرسە، ئۈلگە:[مىسال:] ئەجدادلىرىمىز قۇرۇلۇش ساھەسىدىمۇ ئۆچمەس نامايەندىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ئەنە شۇلاردىن بىرى — ھېيتكا جامەسىدۇر.

نامايىش

  • نامايىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەمەلدە كۆرسىتىش، نامايان قىلىش، ئىپادىلەش، گەۋدىلەندۈرۈش:[مىسال:] نامايىش قىلماق.[يەشمىسى:] ② كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىرەر پائالىيەتنى تەبرىكلەش، خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى ياكى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مەلۇم كۆز قاراشلىرىنى، نارازىلىقىنى ئىپادىلەش مۇناسىۋسىتى بىلەن توپ-توپ بولۇپ كوچىغا چىقىپ كوچىمۇكوچا ئايلىنىپ مېڭىشى:[مىسال:] نامايىش قىلماق.

نامايىشچى

  • نامايىشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نامايىشقا قاتناشقۇچى كىشى، نامايىش قىلغۇچى شەخس:[مىسال:] دېموكراتىك غەربتە بوزەك ئەمەس ئىشچىلار. خۇددى ئوقتەك پارتلىدى، دەردمەن نامايىشچىلار.

نامايىشكارانە

  • نامايىشكارانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نامايىشتىن دېرەك بەرگەن، نامايىش پۇرىقى چىقىپ تۇرغان ھالدا:[مىسال:] مۇشۇ ھەپتىدە ئاقسۇ ۋەزىيىتى ئۇشتۇمتۇت جىددىيلىشىپ، ئەسكەرلەرنىڭ نامايىشكارانە يۆتكىلىشلىرى كۆپىيىپ قالدى.

نام-ئەمەل

  • نام-ئەمەل[يەشمىسى:] شۇ كىشىنىڭ كىم ۋە قانداق ئادەملىكى ھەققىدىكى مەلۇمات، چۈشەنچە:[مىسال:] ئۇلار ئېلاننى يەنە بىر قېتىم ئوقۇدى، ئۇنىڭدا بېشى سازايى قىلىنغان ئادەمنىڭ ئىسمى ۋە باشقا نام-ئەمەللىرى ئېيتىلمىغانىدى.

نامە

  • نامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئورۇن ياكى شەخسكە ئەۋەتىش ئۈچۈن يېزىلغان خەت، مەكتۇپ:[مىسال:] نامە ئەۋەتمەك.[يەشمىسى:] ② تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلۇپ شۇ سۆز ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ھەققىدىكى خەت دېگەن مەنىدىكى سۆزلەرنى ياسايدۇ. مەسىلەن، باياننامە، خىتابنامە، ئىقرارنامە... دېگەنلەرگە ئوخشاش.

نامەرد

  • نامەرد[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەرد ئەمەس، بېخىل؛ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان؛ قولىدىن ياخشىلىق كەلمەيدىغان؛نا ئىنساپ، پەس:[مىسال:] نامەرد ئادەم.

نامەردلىك

  • نامەردلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەرد ئەمەسلىك، بېخىللىق، پەسلىك:[مىسال:] نامەردلىك قىلماق.

نامەلۇم

  • نامەلۇم[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىملىكى، نېمىلىكى ئېنىق بولمىغان، ئېنىقلانمىغان، ئېنىق ئەمەس:[مىسال:] ئۇنىڭ كيىنكى ئەھۋاللىرى بىزگە نامەلۇم ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] نامەلۇم سان:[مىسال:] نامەلۇمنى دەرىجىگە كۆتۈرمەك.

نامەلۇم سان

  • نامەلۇم سان[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئالگېبرالىق ئىپادە ياكى تەڭلىمىدىكى سانلىق قىممىتى ھېسابلاشلار ئارقىلىق ئېنىقلىنىدىغان سان.مەسىلەن، 3x+6=7 دىكى X نامەلۇم ساندىن ئىبارەت.

نامەلۇملۇق

  • نامەلۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەركىبىدە نامەلۇم بولغان:[مىسال:] ئىككى نامەلۇملۇق تەڭلىمە.

نامەھرەم

  • نامەھرەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىسلام دىنى شەرىئەت ھۆكۈمىدە يېقىن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقىدىن بىر-بىرىگە كۆرۈنۈش مەنئى قىلىنغان يات ئەر ياكى ئايال (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] نامەھرەم بولماق.

نامەھرەملىك

  • نامەھرەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەر-ئاياللارنىڭ ئوچۇق قويۇلمايدىغان جايلىرى:[مىسال:] شۇ كۈنى سودىگەر مەلىكىنى ئەپقاچتى، بىر چېدىرغا ئەكىرىپ نامەھرەملىككە قول سۇندى.

نامچىلىق

  • نامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىر مەدرىسە پەلسەپىسىدىكى بىر ئېقىم. ئۇ ئۇتتۇرا ئەسىردىكى چىنلىق نەزەرىيىسىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، شەيئىلەر ئومۇمىي ئۇقۇمدىن بۇرۇن مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.

نامدار

  • نامدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نامى بار، نامى چىققان، داڭلىق:[مىسال:] ئۇنىڭمۇ نامدار شەھەرلەرگە بېرىپ سەيلە-تاماشا قىلغۇسى كېلەتتى.

نامداش

  • نامداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نامى ئوخشاش، ئوخشاش ئىسىمدىكى كىشى ياكى نەرسە (بىر-بىرىگە نىسبەتەن).

نامرات

  • نامرات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىقتىسادى ناچار، ئېشىنچا پۇل-مېلى يوق، ماددىي تۇرمۇشى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان؛ كەمبەغەل:[مىسال:] موللازەيدىن بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.[يەشمىسى:] ② قىس، كەم، كەمبەغەل:[مىسال:] تىلدا نامرات بولۇش — شائىرنىڭ ئەڭ زور مەغلۇبىيىتىدۇر.

نامراتچىلىق

  • نامراتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «نامراتلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] بۇرۇنقى زاماندا بىر بوۋاي بىلەن موماي ناھايىتى نامراتچىلىقتا كۈن ئۆتكۈزگەنىكەن.

نامراتلاشتۇرماق

  • نامراتلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «نامراتلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەنە كۆردۈڭلارمۇ دېدى ئۇ بىزگە ئالىمنى كۆرسىتىپ، ئۇنى نامراتلاشتۇرۇۋەتكەن ئاشۇ بۇزۇق ئاياللار.

نامراتلاشتۇرۇشماق

  • نامراتلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «نامراتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نامراتلاشتۇرۇلماق

  • نامراتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «نامراتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

نامراتلاشماق

  • نامراتلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نامرات ھالغا كەلمەك، نامرات بولماق:[مىسال:] ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن قۇددۇسلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئۆزگەردى، قىلىۋاتقان ئوقىتى توختاپ، بارا-بارا نامراتلاشتى.

نامراتلىق

  • نامراتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەمبەغەللىك، نامرات، كەمبەغەل ھالەت ياكى نامرات بولۇش:[مىسال:] نامراتلىق — ئەيىب، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلماسلىق تېخىمۇ چوڭ ئەيىب.

نامزات

  • نامزات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سايلاش، تەيىنلەش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن شەخس:[مىسال:] نامزات كۆرسەتمەك. نامزاتلار تىزىملىكى. نامزاتلارنى تەستىقلىماق.

نامزاتلىق

  • نامزاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نامزات بولۇش:[مىسال:] بۇ قېتىمقى ھاكىملىق نامزاتلىقىغا ئەخمەتمۇ كىردى.

نامسىز

  • نامسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① نامى، ئىسمى نامەلۇم؛ نام-ئىسىم قويۇلمىغان ياكى نامى-ئىسمى يېزىلمىغان:[مىسال:] ھېلىقى نامسىز شوپۇر يىگىت كۆرۈنمەيتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] داڭقى، شۆھرىتى يوق، ئەل ئارىسىدا ئابرۇيى يوق ياكى تۆۋەن:[مىسال:] ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئۆز ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئىچىدە ئانداق-مۇنداق نامسىز ئادەملەردىن بىرىمۇ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن قىلىۋاتاتتى.

نام-شەرەپ

  • نام-شەرەپ[يەشمىسى:] نام ۋە شەرەپ، ئاتاق-ئابرۇي:[مىسال:] سىلىنىڭ نام-شەرىپلىرىنى ئۇ كۆپ قېتىم ماڭا ئېيتىپ بەرگەنىدى، دېدى ھېلىقى كىشى ماڭا.

نام-شۆھرەت

  • نام-شۆھرەت[يەشمىسى:] نام ۋە شۆھرەت:[مىسال:] نام-شۆھرەت قوغلاشماق.

ناملىق

  • ناملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نامى بىلەن ئاتالغان، ئىسىملىك:[مىسال:] «مەشھۇر مۇقام ئالىمى شائىرە ئاماننىسا خېنىم»ناملىق سۈرەتنى كۆرۈپ ناھايىتى زوقلاندىم.

نام-نەسەب

  • نام-نەسەب[يەشمىسى:] نام ۋە نەسەب:[مىسال:] ئەخمەت كېيىن «ئۇ كىشى كىم بولغايخىزىرنى كۆردۈممۇ يائەجەب بۇ كىشىنىڭ نام-نەسەبىنى سورىماپتىمەن» دەپ، كۆپ نادامەتلەر چەكتى.

نام-نىشان

  • نام-نىشان[يەشمىسى:] نام ۋە نىشان، ئۇچۇر ھەم دېرەك:[مىسال:] دۇنيادا ساھىبجامال مەلىكىلەر تولا، بىرىنى تاللىۋېلىپ مۇرادىڭىزغا يەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، پىراق شىددىتى ۋە ھىجران مۇشەققىتى ئاستىدا نام-نىشانسىز يوقۇلۇپ كېتىسىز، دېدى ئۇ.

نام-نىشانسىز

  • نام-نىشانسىز[يەشمىسى:] نام-نىشانى يوق، مەقسەتسىز؛ ئىز-دېرىكى يوق، دېرەكسىز.

نامۇزۇن

  • نامۇزۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەمسىز، لەززەتسىز، تېتىقسىز.

نامۇناسىپ

  • نامۇناسىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇناسىپ ئەمەس، ماس كەلمەيدىغان، نامۇۋاپىق، بولمىغۇر:[مىسال:] شەرىئەت يولىدا نامۇناسىپ ئىشلارغا چارە كۆرۈش بىزنىڭ ھەققىمىز.

نامۇنەسەب

  • نامۇنەسەب[يەشمىسى:] «نام-نەسەب»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۆزلىرىنىڭ نامۇنەسەبلىرىنى بىلىشكە بولامدىكىن كەمتەرانە سورىدى ئابدۇرېشىت خان.

نامۇنىشان

  • نامۇنىشان[يەشمىسى:] «نام-نىشان»غا قاراڭ:[مىسال:] گۆر ئوغلىدىن نامۇنىشان ياكى ئىنىسى شاھ مۇھەممەتخاندىن بىرەر خەۋەر بولمىدى.

نامۇۋاپىق

  • نامۇۋاپىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇۋاپىق ئەمەس، مۇۋاپىق بولمايدىغان، ماس كەلمەيدىغان:[مىسال:] ئادەملەر ئارىسىدىكى قان تۆكۈشۈشلەرگە نامۇۋاپىق ئىجتىمائىي تۈزۈم جاۋابكار.

نامۇۋاپىقلىق

  • نامۇۋاپىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نامۇۋاپىق ھالەت، نامۇۋاپىق ئەھۋال:[مىسال:] مېنىڭچە بۇ قېتىمقى ئۆي بۆلۈشۈشتە نامۇۋاپىقلىق باردەك قىلىدۇ، دېدى ئۇ سەل نارازى بولغاندەك قىلىپ.

نامۇئەمەل

  • نامۇئەمەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «نام-ئەمەل»گە قاراڭ:[مىسال:] نامۇئەمەلىمنى سورىسىڭىز، ئىسمىم سادىر بۇ يۇرتتا مۇساپىرمەن.

نامۇشەرىپ

  • نامۇشەرىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نام+شەرىپ[[يەشمىسى:] مۇبارەك نام، مۇقەددەس ئىسىم؛ ئومۇمەن ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] يىگىت، نامۇشەرىپىڭىز كىم بولىدۇ دېدى ھېلىقى بوۋاي ئۇنىڭدىن سوراپ.

نامىي

  • نامىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نامىدىكى، ناملىق:[مىسال:] نامىي ئىش ھەققى.

نان

  • نان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① خېمىردىن تەييارلىنىدىغان، تونۇر، ئوچاق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە يېقىپ ياكى قازان، دۇخوپكا قاتارلىقلارغا سېلىپ پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئومۇمەن يەپ-ئىچىلىدىغان، ياشاش ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسىلەر؛ پايدا:[مىسال:] ئەمدىلا ئازراق نان تېپىۋىدىم، دېدى ئۇ ئېغىر خورسىنىپ قويۇپ، بۇ چاتاقنىڭ چىققىنىنى قارىمامسەن.

نان بەرگەن قولنى چىشلىمەك

  • نان بەرگەن قولنى چىشلىمەك[يەشمىسى:] «تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۆزلىرى ئۈچۈن داستىخان ھامان ئېچىقلىق، بىزلەرچۇ، نان بەرگەن قولنى قوشۇپ چىشلەيدىغانلاردىن ئەمەس. قېنى چايدىن ئوتلىسىلا، قەنتتىن كۆپرەك سالسىلا.

نان تەگمەك

  • نان تەگمەك[يەشمىسى:] پايدا-مەنپەئەت كەلمەك:[مىسال:] پۇل سۇنۇلدى، ئۇلار ئۆزئارا «نان تەگسۇن»دېيىشىپ، يەرگە سۈركەلگەن قوللىرى بىلەن يېڭىۋاشتىن قول ئېلىشىشتى.

نان تېپىپ يېمەك

  • نان تېپىپ يېمەك[يەشمىسى:] ① تۇرمۇشقا كېرەكلىك زۆرۈر نەرسىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] «مۇشۇ پېتى ئوبدان ئوقۇسا، ئۆزى نان تېپىپ يەپلا قالماي، مېنىمۇ بېقىپ كەتسە ئەجەب ئەمەس»دەپ ئويلىدى بوۋاي. * بار، ئۆزۈڭ نان تېپىپ يە، مەن ساڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە بېرەلمەيمەن.[يەشمىسى:] ② پايدا ئالماق، نەپ-مەنپەئەتكە ئېرىشمەك:[مىسال:] مەن سىلىگە 20 يۈەن ئەرزان بەردىم، سىلىمۇ نان تېپىپ يېسىلە، دېدى ئۇ ھىيلىگەرلەرچە ھىجىيىپ.

نان دەسسەپ بەرمەك

  • نان دەسسەپ بەرمەك[يەشمىسى:] قەسەم قىلماق، قەسەم قىلىپ بەرمەك:[مىسال:] مەن ئالمىدىم، دېدى ئۇ قىزىرىپ-تاتىرىپ، ئىشەنمىسەڭ نان دەسسەپ بېرەيمۇ

نان قېپى

  • نان قېپى[يەشمىسى:] ئىش قىلماي قورساق باقىدىغان، تەييارنى يەيدىغان، بىكار تەلەپ، ھۇرۇن:[مىسال:] ئۇ نان قېپى بىر نىمىلەرنى پۈتۈن خەلق بىلىدۇ.

نان كور

  • نان كور[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ بەرگەن ئاش-نېنىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان، ياخشىلىققا يامانلىق قىلىدىغان، تۇزكور:[مىسال:] ھەي نانكور، پادىشاھقا نېمە ئۈچۈن قەست قىلىسەن خۇدادىن قورقمامسەن دەپتۇ سوراقچى ۋارقىراپ.

نان كورلۇق

  • نان كورلۇق[يەشمىسى:] ياخشىلىققا يامانلىق قىلىش، تۇز كورلۇق:[مىسال:] نان كورلۇق قىلماق.

ناننىمۇ ئوڭلاپ يېيەلمەيدىغان

  • ناننىمۇ ئوڭلاپ يېيەلمەيدىغان[يەشمىسى:] قولىدىن ھېچبىر ئىش كەلمەيدىغان، ئىش قاملاشتۇرالمايدىغان، دۆت، لەقۋا:[مىسال:] ئادەم تاپتىم دەپ، ناننىمۇ ئوڭلاپ يېيەلمەيدىغان بىر نېمىنى ئەكەلگىنىنى قارىمامدىغان دېدى ئۇ مەنسۇرغا ئاچچىقلاپ.

نان ئۇرسۇن

  • نان ئۇرسۇن[يەشمىسى:] «خۇدا ئۇرسۇن، شورى قۇرۇسۇن»دېگەن مەنىلەردىكى قەسەم سۆزى:[مىسال:] ئەزبىرايى خۇدا، راست غۇجام، دېدى قاڭشارلىق كەلگەن بۇرۇتلۇق چېرىك، گېپىمىز يالغان بولسا، بىزنى نان ئۇرسۇن، قان قۇسۇپ ئۆلەيلى.

نېنى پۈتۈن

  • نېنى پۈتۈن[يەشمىسى:] تۇرمۇش ئەھۋالى ئوبدان، تىرىكچىلىككە زۆرۈر بولغان نەرسىلىرى تولۇق، باياشات:[مىسال:] ئوبدان ئوقۇغىن، دېدى ئۇ ھەبىبەنىڭ مۈرىسىنى سىلاپ تۇرۇپ، خۇدايىم بۇيرۇسا يەنە بەش-ئالتە يىلدا نېنىڭ پۈتۈن ئادەم بولىسەن، ئاڭغىچە ئۇكىلىرىڭمۇ كارغا يارىغۇدەك بولۇپ قالىدۇ.

نېنىنى يېمەك

  • نېنىنى يېمەك[يەشمىسى:] پايدىسىنى كۆرمەك، نەپ-مەنپەئىتىدىن بەھرىلەنمەك، مەنپەئەتلەنمەك:[مىسال:] بۇ يەرلەرنىڭ نېنىنى يېيىش بېرىپ-بېرىپ بىزگە نېسىپ بولغىنىنى قارىمامدىغان، بۇمۇ بىر ئامەت

نانپاراق

  • نانپاراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نان+پاراق[[يەشمىسى:] «نانقايناق»قا قاراڭ.

نانتاختا

  • نانتاختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نان+تاختا[[يەشمىسى:] «پەشخۇن»غا قاراڭ.

نان-توقاچ

  • نان-توقاچ[يەشمىسى:] نان ۋە توقاچ.

نانجىگدە

  • نانجىگدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نان+جىگدە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① جىگدىنىڭ بىر خىل سورتى، يەنى جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يېڭى نوتىلىرى كۈل رەڭ كېلىدۇ. يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكلىدە بولىدۇ. گۈلىنىڭ سىرتى كۈل رەڭ، ئىچى سېرىق كېلىدۇ، پۇرايدۇ. ئۈچكىلىك مېۋىسى سوقىچاق بولۇپ، رەڭگى قىزىل ياكى سېرىق كېلىدۇ، ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

نانچۆپ

  • نانچۆپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نان+چۆپ[[يەشمىسى:] ئاز-تولا گۆش، سەي قاتارلىقلارنى سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە قېتىپ كەتكەن نان ۋە چۆپلەرنى سېلىپ ئېتىدىغان بىر خىل يېمەكلىك.

نانخور

  • نانخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ناننى كۆپ يەيدىغان، نان يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان، نانغا ئامراق:[مىسال:] نانخور ئادەم. نانخور بالا.

ناندەرىخى

  • ناندەرىخى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نان+دەرەخ+ئى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈجمە ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. مېۋە گۆشى ئاق رەڭلىك بولۇپ، بولكىغا ئوخشايدۇ. يېيىشكە بولىدۇ.

ناندىنا

  • ناندىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ناندىنا چاتقىلى»غا قاراڭ.

ناندىنا چاتقىلى

  • ناندىنا چاتقىلى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زىرىق ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق، كىچىك يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكلىدە، گۈلى كىچىك، ئاق رەڭلىك، كونۇسسىمان گۈل رېتىدە بولىدۇ. مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى ئاق سۇس قىزىل ياكى سۆسۈن. مېۋىسى، غولى ۋە يىلتىزلىرى دورا قىلىنىدۇ. يىلتىز، غوللىرىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ھەيز ماڭدۇرۇش؛ مېۋىسىنىڭ يۆتەل توختىتىش، ھاسىراشنى پەسەيتىش رولى بار.

نانسىز

  • نانسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نان يوق، نان ئالماي:[مىسال:] بىر پۇڭسىز، بىر نانسىز چىقتىم سەپەرگە، شۇندىمۇ ئاچلىقتىن خالىي خىيالىم. ھەيرانمەن ئالدىمغا كۈتكۈچى قىزچاق، ھەرۋاخلىق تاماققا ئاش قويار دائىم.

نانقايناق

  • نانقايناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نان+قايناق[[يەشمىسى:] سەي، گۆش قاتارلىقلارنى سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېتىپ كەتكەن نان پارچىلىرىنى سېلىپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل يېمەكلىك.

نانئۇشتا

  • نانئۇشتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتىگەنلىك تاماقتىن بۇرۇن ئاز تولا قورساقنى ئەستەرلىۋېلىش ئۈچۈن يەپ-ئىچىلىدىغان نان، چاي، قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] ھوي، بالام بۇ ئەتتىگەندە ئازراق نانئۇشتا قىلىۋالماي ئالدىراپ نەگە ماڭدىڭ دېدى ئانام ئىشىكتىن چىقىشىمغا.

ناھار

  • ناھار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۈندۈز، كۈندۈز ۋاقتى، يورۇق كۈن:[مىسال:] ھەمراھ بولۇپ نۆۋەتچىگە ئۇ، ئۇلاپ چىقار تۈننى ناھارغا. مۇشەققەتنى ھېس قىلدى شەرەپ، مەنە بېرىپ ياشلىق باھارغا.

ناھايەت

  • ناھايەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىنتايىن، بەك، ناھايىتى:[مىسال:] بوۋام ئېيتقان ھېكايەت، شۇنچىلىكلا ناھايەت. ئۇزاق يىللار ئۆتۈپتۇ، ياش بۈگۈنگە يېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «ئاخىرى بېرىپ، ئاخىرى، ئاخىرىدا ياكى ئاقىۋىتىدە»دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ناھايەت مەجلىس تۈگەپ ھەممەيلەن تارقىلىشقا باشلىغاندا، ئۇ جىممىدە ئولتۇرغان ھېلىقى ياش خېنىمنىڭ يېنىغا كەلدى.

ناھايىتى

  • ناھايىتى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىنتايىن، بەك:[مىسال:] بۇ تەكلىپكە سەپەرقۇل بىلەن رەۋىخان موماي ناھايىتى خۇشال بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «پەقەتلا ھەممىسى بولۇپ، جىق بولسا، ئاخىرى بېرىپ، بار-يوقى»دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىلى، ئالتاي يېقىنغۇ، ناھايىتى نەچچە كۈنلۈك يول.

ناھەق

  • ناھەق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ناتوغرا، ھەق ئەمەس:[مىسال:] ھەي، مېنىڭ ۋەزىرىم ناھەق ئۆلۈپتۇ، دەپ غەزەپلىنىپتۇ پادىشاھ.

ناھەقچىلىك

  • ناھەقچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەققانىيەتكە خىلاپ بولغان سۆز-ھەرىكەت ۋە شۇنداق قىلىق، ئىش:[مىسال:] بىز قۇتراتقۇلۇق قىلمايمىز، دېدى ل. مۇتەللىپ، قەيەردە ناھەقچىلىك بولسا شۇ يەردە ئۇنىڭغا قارشى ھەقىقەتنى سۆزلەيمىز.

ناھەقلىق

  • ناھەقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەق، توغرا بولمىغان ئىش-ھەرىكەت، خاتا قىلىق:[مىسال:] ھەقلىق ناھەقلىق ئۈستىدىن ھامان غەلىبە قىلىدۇ.

ناھەقىقەت

  • ناھەقىقەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەقىقەت ئەمەس، ناھەق:[مىسال:] ناھەقىقەت ئىشلارنى تۈگىتىش كېرەك.

ناھىيە

  • ناھىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋىلايەت، ئاپتونوم ئوبلاست قاتارلىقلارنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرىدىغان، يېزىدىن چوڭ بولغان مەمۇرىي رايون. ناھىيىنىڭ تەركىبىدە بىر قانچە يېزا بولىدۇ:[مىسال:] كەلپىن ناھىيىسى. ئاراتۈرك ناھىيىسى. ئۈرۈمچى ناھىيىسى.

ناھىيىلىك

  • ناھىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھىيىگە تەۋە، ناھىيە دائىرىسىدىكى ياكى ناھىيە باشقۇرۇشىدىكى؛ ناھىيە دەرىجىلىك:[مىسال:] ناھىيىلىك يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى. ناھىيىلىك باج ئىشلار ئىدارىسى. ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى.

نائۇستا

  • نائۇستا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ھۈنەر-كەسىپكە تازا ئۇستا ئەمەس، سەۋىيىسى تۆۋەن:[مىسال:] ئاپتوبۇس تېخى ناھىيىدىن چىقمايلا، نائۇستا شاگىرتلارنىڭ كاساپىتىدىن ئۇرۇلۇپ كېتىپتۇ.

نائۇستىلىق

  • نائۇستىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماھىر ئەمەسلىك، ھۈنەر-ماھارەتتە چالىلىق، سەۋىيە تۆۋەنلىك:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ ياغاچچىلىقتا نائۇستىلىقىنى باھانە قىلىپ، بەگنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپتۇ.

نائۇشنىك

  • نائۇشنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قۇلاققا تىقىپ ياكى يېقىن كەلتۈرۈپ ئاڭلايدىغان ئاۋاز يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بىر خىل ئەسۋاب:[مىسال:] قاسىم نائۇشنىكنى قۇلىقىغا سالدى-دە، رادىئونىڭ ئاۋازىنى پەسلىتىپ، ياستۇققا يۆلىنىپ ئاڭلاشقا باشلىدى.ن

لماق، نەپ-مەنپەئەتكە ئېرىشمەك:

  • لماق، نەپ-مەنپەئەتكە ئېرىشمەك:[مىسال:] مەن ئۈمىد يوق:[مىسال:] ھاۋادا بۇلۇت كۆڭلۈم، ياردىن نائۈمىد كۆڭلۈم.يار باقمىغۇدەك ئەمدى، ئۇ يارنى ئۇنۇت كۆڭلۈم.

نائۈمىد شەيتان

  • نائۈمىد شەيتان[يەشمىسى:] «ئۈمىدلىك بول، ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى. ھەرگىز نائۈمىد بولما»دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] ئاسان ئەمەسلىكى ئاسان ئەمەس، دېدى ئۇ، نائۈمىد شەيتان.

نائۈمىدلىك

  • نائۈمىدلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈمىدسىزلىك، ئۈمىد-ئىشەنچ تۆۋەنلىك ياكى يوقلۇق:[مىسال:] مەن كۆپىنچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى نائۈمىدلىكتە پەرىشان قىلماي دەپ، كۈلكە-چاقچاق بىلەن گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋېتەتتىم.

ناۋاⅠ

  • ناۋاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] قۇرۇلۇشتا ياغاچ، خىش، لاي ياكى گەجدىن پېتىنقى قىلىپ ياسالغان شەكىل:[مىسال:] بۇ سارايدىكى چىرايلىق ناۋالارنى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەپىس نەقىشلەرنى كۆرگەندە، كىشىلەر قادىرخان نەققاشنى ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئېلىشاتتى.

ناۋاⅡ

  • ناۋاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كۈي، ئاھاڭ، مېلودىيە:[مىسال:] ناۋا قىلماق. * ئۇتۇق قۇچۇپ ئۆتكۈزەر مەرد ئىشچىلار كېچىنى. شادلىق، ناۋا قاپلىغان يورۇق سېخنىڭ ئىچىنى...[يەشمىسى:] ② ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ئونىنچىسىنىڭ نامى. ئۇ 20 نەغمە، 209 مىسرا بولۇپ، چوڭ نەغمە 10 نەغمە، 100مىسرادىن؛ 3 داستان 6 نەغمە، 56 مىسرادىن؛ 2 مەشرەپ 2 نەغمە، 44 مىسرادىن تەشكىل تاپقان:[مىسال:] ناۋا مۇقامى.

ناۋات

  • ناۋات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شېكەرنى مەلۇم مىقداردىكى سۇ بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلغاندىن كېيىن نۆكچە قىلىپ قاتۇرۇلغان تاتلىق يېمەكلىك.

ناۋاتتەك

  • ناۋاتتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاتلىق، شېرىن، لەززەتلىك؛ يېقىملىق، ئېسىل، ياخشى:[مىسال:] شۇنداق قىلايلى، تازا ناۋاتتەك گەپ قىلدىلا، دېدى خەلىچە بۈۋى شازادىخاندىن رازى بولۇپ.

ناۋاتچى

  • ناۋاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناۋات ئېلىپ-سېتىش ياكى ناۋات تەييارلاپ سېتىش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشى:[مىسال:] ئايخان ناۋاتچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن، دەپ خەۋەر قىلىپتۇ كېنىزەك.

ناۋاتچىلىق

  • ناۋاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناۋات ئېلىپ-سېتىش ياكى ناۋات تەييارلاپ سېتىش ئىشى:[مىسال:] ئۇ بوۋاي تېخىچە ناۋاتچىلىقىنى قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانىكەن.

ناۋادا

  • ناۋادا[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] شەرت بېقىندى جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، شەرت جۈملىدە ئىپادىلەنگەن مەنىنى تەكىتلەش، كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ناۋادا بۈگۈن كەلمىگەن بولساڭ، دېدى پەزىلەت مۇبارەكنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈنۈم ھارام بولاتتى. خويمۇ ۋاقتىدا كەلدىڭ.

ناۋازىش

  • ناۋازىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[يىزت.[يەشمىسى:] مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق بىلەن قىلىنغان مۇئامىلە، مۇلازىمەت، مەرھەمەت ياكى ئەركىلەش:[مىسال:] ناۋازىش قىلماق.

ناۋالىقⅠ

  • ناۋالىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناۋاسى بار، ناۋا چىقىرىلغان؛ لەمپىلىك:[مىسال:] ناۋالىق چوڭ ساراي. ناۋالىق پېشايۋان.

ناۋالىقⅡ

  • ناۋالىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈي-ئاھاڭ بار، ناخشىلىق؛ ئاۋازلىق، ئاھاڭلىق:[مىسال:] ئۇ يەرنىڭ سۇلىرى راۋان، دەل-دەرەخلىرى باراقسان، قۇشلىرى خۇش ناۋالىق ئىدى.

ناۋاي

  • ناۋاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نان ياققۇچى ياكى نان يېقىپ سېتىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] بەختىيار دەرھال بىر داستىخان ئېلىپ ناۋايخانىغا بېرىپتۇ-دە، ناۋايدىن 30 نان ئېلىپ «پۇلىنى كېيىن بېرىمەن»دەپ كۆتۈرۈپ مېڭىپتۇ.

ناۋايخانا

  • ناۋايخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نان ياقىدىغان ۋە نان يېقىپ ساتىدىغان ئۆي:[مىسال:] ناۋايخانا ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تاشۋاينىڭ كۆزى رېھىم بوۋاينىڭ نەقىشلىك راۋابىغا چۈشتى.

ناۋايلىق

  • ناۋايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس نان يېقىش ھەمدە نان يېقىپ سېتىش ئىشى ۋە شۇنداق كەسىپ:[مىسال:] قاسىم ئاكام دەسلەپتە ماروژنى تەييارلاپ سېتىپ يۈردى، كېيىن بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ ناۋايلىق قىلدى.

ناۋايى

  • ناۋايى[يەشمىسى:] ناۋايى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىيات غەزىنىسىگە ئاجايىپ چوڭ مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ شائىردۇر. 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھىراتتا تۇغۇلۇپ، 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 60 يېشىدا ۋاپات بولغان. ناۋايى ئۆز ۋاقتىنىڭ ئەدەبىي تىلى − ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تىل «چاغاتاي تىلى»دا ئەسەر يازغان. ئۇنىڭ «خەمسە»، «چاردىۋان»، «ھەيرەتۇل ئەبرار» («ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى»)، «پەرھاد-شېرىن»، «لەيلى-مىجنۇن»، «سەسەبئى سەييارە»، «يەتتە سەييارە»، «سەددى ئىسكەندەر» («ئىسكەندەر سېپىلى»)، «سراجىل مۇسلىمى» («مۇسۇلمانلار چىرىغى»)، «لىسانت تەير» («قۇشلار تىلى»)، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» («تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە»)، «ئارزۇ تۈركى» قاتارلىق بەدىئىي، ئىلمىي ئەسەرلىرى بار.

نائېنىق

  • نائېنىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تازا ئېنىق ئەمەس، گۇمانلىق، شۈبھىلىك، ئىشەنچىسز، مۈجمەل، مەۋھۇم:[مىسال:] ئۇ شەھەرگە كەلگىلى بىر ھەپتىدەك بولدى، ئەمما ئۇنىڭ نېمە غەرەزدە كەلگەنلىكى بىزگە نائېنىق.

نائىب

  • نائىب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئورۇنباسار، ياردەمچى:[مىسال:] غەيۇر شاھ قول ئاستىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە توي-تاماشا قىلىپ بېرىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ نائىبلىرىغا پەرمان تارقىتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ۋاڭلىق تۈزۈمدە، مەسچىتكە نامازغا بارمىغانلارنى دەررىلەش، شەرىئەت قېلىپىدىن چىققانلارنى جازالاش ئىشىنى قىلىدىغان كىچىك ئەمەلدار.ئادەتتە بۇنداقلارنىڭ قولىدا ھامان دەررە بولىدۇ.

نائىل

  • نائىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئېرىشىش، يېتىشىش، مۇيەسسەر بولۇش:[مىسال:] نائىل بولماق. نائىل قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نائىلاج

  • نائىلاج[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئىلاجىسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ نائىلاج ئارقىغا ياندى.

نائىلاجلىق

  • نائىلاجلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئىلاجسىزلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] [يەشمىسى:] بىچارە بوۋاي نائىلاجلىق ئىچىدە بىرەر نىجاتلىق ئىزدىگەندەك قىلىپ ئەتراپقا تەلمۈرۈپ قارايتتى.

نائىنساب

  • نائىنساب[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ب+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئىنسابسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] «نائىنساب خوتون بولسا كېرەك»دەپ ئويلىدىم مەن، «بىزنى سېخىيكەن دەپ خۇپسەنلىك قىلىپ يەنە سورىماقچى، ئېھتىمال، ...».

نائىنسابلىق

  • نائىنسابلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنسابسىزلىق، ئىنسابى يوقلۇق:[مىسال:] ساقىنىڭ ئاشۇ بىر تەڭگە ئۈچۈن زادى ئۇيقۇسى كەلمەپتۇ، باقىمۇ نائىنسابلىق قىلىپ «بۈگۈن»، «ئەتە»دەپ تەڭگىنى بەرمەي ئۈچ-تۆت يىلنىمۇ ئۆتكۈزۈپتۇ.

نايرا

  • نايرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نېگىرىيە پۇل بىرلىكى.

نايمان

  • نايمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈركى خەلىقلىرىنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە كىرىدىغان قەبىلىلەردىن بىرىنىڭ نامى.

نايناق

  • نايناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىلىق چىقىرىپ گەپ قىلىدىغان، گەپ قىلغىچە بەللىرىنى تولغايدىغان، غىلجىڭ؛ ھەددىدىن ئارتۇق ئەركە:[مىسال:] ئۇ چاغدا باينىڭ نايناق بالىلىرى مېنى مەجبۇرىي ھالدا ئېشەك قىلىپ مىنىپ ئوينايتتى.

نايناقلاتماق

  • نايناقلاتماق[يەشمىسى:] «نايناقلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نايناقلاشماق

  • نايناقلاشماق[يەشمىسى:] «نايناقلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ يىراقتىنلا ئۆزىگە قاراپ نايناقلىشىپ كېلىۋاتقان ئۈچ-تۆت قىزنى كۆرۈپلا غىپپىدە ئارقىسىغا ياندى.

نايناقلىق

  • نايناقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەددىدىن ئارتۇق ئەركىلىك؛ غىلجىڭلىق:[مىسال:] نايناقلىقىڭنى قويغىنا، دېدى ئۇ ئايشەمنى سەتلەپ، ئىش دېگەننى ئىشتەك قىلىدىغان

نايناقلىماق

  • نايناقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەللىرىنى تولغىماق، قىلىقسىز ھەرىكەتلەرنى قىلماق؛غىلجىڭلىماق؛ ھەددىدىن ئارتۇق ئەركىلىمەك:[مىسال:] دالان ئۆيدىن نايناقلاپ چىقىۋاتقان ئايتۇران ئۇشتۇمتۇت كىرىپ كەلگەن ئالماسنى كۆرۈپ، نېمىدىندۇر ئەندىككەندەك غىپپىدە ئارقىسىغا ياندى.

نەⅠ

  • نەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] نېمە:[مىسال:] نە چارە. * بۇندا مەن چىن يارنى تاپتىم، ئۆزگە جانان نە كېرەك.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قەيەر:[مىسال:] ئاغرىپ قالغىنىڭنىغۇ بىلدىم، دېدى دوختۇر كۈلۈپ قويۇپ، نەرىڭ ئاغرىيدۇ دەۋاتىمەن.

نە چاغ

  • نە چاغ[يەشمىسى:] خېلى ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ خېلى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن كەلگىلى نە چاغ، سەن ئەمدى كەلدىڭمۇ

نەدىن بىلسۇن

  • نەدىن بىلسۇن[يەشمىسى:] بىلىشى مۇمكىن ئەمەس، بىلمەيدۇ:[مىسال:] سېيىت ھاجىنىڭ سۆزىنىڭ بۇنچىلىك ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇ نەدىن بىلسۇن.

نە زامان

  • نە زامان[يەشمىسى:] «نە چاغ»قا قاراڭ:[مىسال:] مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە نە زامان بولدى، سېنى ھېچ ئۇچرىتالمىدىم.

نە قەدەر

  • نە قەدەر[يەشمىسى:] نېمىدېگەن:[مىسال:] نە قەدەر ئەھمىيەتلىك كۈنلەر ئىدى-ھە، ئۇ * بۇ نە قەدەر ئېغىر تۇيۇلىدىغان گەپ-ھە

نە كەم

  • نە كەم[يەشمىسى:] «نە چاغ»قا قاراڭ:[مىسال:] خەق ئورنىدىن تۇرغىلى نە كەم، سەن ئەمدى تۇردۇڭمۇ

نە ۋاقىت

  • نە ۋاقىت[يەشمىسى:] «نە چاغ»قا قاراڭ:[مىسال:] بىز سېنى ئىزدەپ يۈرگىلى نە ۋاقىت، سەن بۇ يەرگە كىرىۋالغانىكەنسەندە

نەⅡ

  • نەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى ياكى قوشما جۈملىلەرنى (ئاساسەن شېئىردا مىسرانىڭ بېشىدا كېلىپ شۇ مىسرا بىلەن باشتىكى مىسرانى باغلاپ، ئىنكار مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ):[مىسال:] شىرمەتكە نە راۋاب، نە نەي چالىدىغان پۇرسەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.

نەⅢ

  • نەⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇچار قاناتلارنىڭ ئەركىكى، ئەركەك ئۇچار قانات.

نەبى

  • نەبى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① خۇدانىڭ ئەلچىسى، پەيغەمبەر.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نەپ

  • نەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى نەرسىدىن ئالىدىغان نەتىجە؛ پايدا:[مىسال:] ۋالاقتەگكۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ بەرمەس (ماقال). * قىز چوڭ بولسا گەپ تولا، ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تولا (ماقال).

نەپەر

  • نەپەر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ كىشىلەرنىڭ سانىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تۆت نەپەر ئادەم. ئىككى نەپەر دېھقان.

نەپەس

  • نەپەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆپكىدىن چىققان ۋە ئۆپكە سىرتتىن قوبۇل قىلغان ھاۋا دەم، تىنىق:[مىسال:] نەپەس ئالماق. نەپىسى توختىماق. * بوۋاق باشقا بىر ئانىنىڭ ئاپئاق سۈتىنى ئېمىپ، يېنىك نەپەس ئېلىپ ياتاتتى.[يەشمىسى:] ② «بىر»سۆزى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ «قىسقىغىنا، سەل ئازراق»دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ:[مىسال:] بىر نەپەس كۈتۈپ تۇرۇڭ. * تۇتمىغىن ئۆزۈڭنى ئۆزگىلەردىن پەس، ۋە لېكىن ماختانما ھەتتا بىر نەپەس.[يەشمىسى:] ③ «ھەر»سۆزى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ «دائىم، قېتىم»دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ:[مىسال:] گۈل سۈپەت ھۆسنۈڭگە باقسام ھەر نەپەس، زوق-ھاياجان ئىچرە خەندان بۇ يۈرەك.

نەپىسىنى راسلىماق

  • نەپىسىنى راسلىماق[يەشمىسى:] دەم ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالماق، دېمىنى راسلىماق.

نەپىسىنى ئىچىگە يۇتماق

  • نەپىسىنى ئىچىگە يۇتماق[يەشمىسى:] «دېمىنى ئىچىگە يۇتماق»قا قاراڭ.

نەپىسى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك

  • نەپىسى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك[يەشمىسى:] «دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] شۇ چاغدا ئېغىلدىكى سىيىر مۆرەپ قالدى. ئانا چۆچۈپ نەپىسى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.

نەپەسداش

  • نەپەسداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھايات يولى، نىيەت-مەقسەتلىرى بىر بولغان، ھەمنەپەس:[مىسال:] پارتىيەم باشلىغان شانلىق كۈرەشتە، نەمۇنەم-ئۈلگەم ئۇ، نەپەسداش پەقەت.

نەپەسسىز

  • نەپەسسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① نەپەس يوق، نەپەس ئالماي.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تەلەپپۇز قىلىنغاندا توسالغۇنى يېڭىپ چىققان ھاۋا ئېقىمى بىر قەدەر ئاجىز بولىدىغان (ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدە):[مىسال:] نەپەسسىز تاۋۇش.

نەپەسلەندۈرمەك

  • نەپەسلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «نەپەسلەنمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆپىنچە ئۇنى باغ ئىچىدە يېنىك ھەرىكەتلەندۈرەتتۇق، ساپ ھاۋا بىلەن نەپەسلەندۈرەتتۇق.

نەپەسلەندۈرۈشمەك

  • نەپەسلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «نەپەسلەندۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نەپەسلەنمەك

  • نەپەسلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جانلىقلار تاشقى مۇھىت بىلەن ھاۋا ئالماشتۇرماق، نەپەس ئالماق:[مىسال:] بىزنىڭ بىر ئېرىقنىڭ سۈيىنى بىللە ئىچىپ، بىر ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتقىنىمىزغا نەچچە يىل بولدى.

نەپەسلىك

  • نەپەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تەلەپپۇز قىلىنغاندا توسالغۇنى يېڭىپ چىققان ھاۋا ئېقىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدىغان (ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدە):[مىسال:] نەپەسلىك تاۋۇش.

نەپرەت

  • نەپرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاتتىق غەزەپ ۋە يىرگىنىش تۇيغۇسى:[مىسال:] دوستقا مۇھەببەت، دۈشمەنگە نەپرەت (ماقال).

نەپرەتلەندۈرمەك

  • نەپرەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «نەپرەتلەنمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نەپرەتلەندۈرۈلمەك

  • نەپرەتلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «نەپرەتلەنمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

نەپرەتلەنمەك

  • نەپرەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈرمەك، نەپرەت ئوقۇماق:[مىسال:] ئۇ ئۆتكەن ئىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ بىردىنلا ئۆزىگە نەپرەتلەندى.

نەپرەتلىك

  • نەپرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەپرتكە تولغان، نەپرەتلەنگەن، نەپرەتلىنىدىغان:[مىسال:] سىزنىڭ ھېلىقى نەپرەتلىك قارىشىڭىزنى ئويلىسام ھازىر كۈلگۈم كېلىدۇ.

نەپرەتلىنىشمەك

  • نەپرەتلىنىشمەك[يەشمىسى:] «نەپرەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نەپس

  • نەپس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەردىكى يېيىش-ئىچىش، مال-دۇنياغا بولغان ھەۋەس، قىزىقىش ئەگەر:[مىسال:] پۇشايمانغا دۇچار بولۇشتىن خاتىرجەم بولاي دېسەڭ، نەپسىڭگە ئەگىشىپ خىيالىڭغا كەلگەن ئىشنى قىلىشقا كىرىشمە.[يەشمىسى:] ② شەھۋانىي ھەۋەس، تەلەپ:[مىسال:] قارىغاندا بۇ ئايالنىڭ نەپسى ياماندەك قىلىدۇ. نەپسىڭنى يىغ، ئۆزۈڭنى؛ ئالدۇرۇپ قويما، يەنە، دېدى ئۇ ماڭا مەنىلىك قىلىپ.

نەپسى ئالدىراپ كەتمەك

  • نەپسى ئالدىراپ كەتمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئالدىرىماق.

نەپسى ئاۋارىسى

  • نەپسى ئاۋارىسى[يەشمىسى:] يېمەك-ئىچمەكنىڭلا كويىدا يۈرىدىغان:[مىسال:] نەپسى ئاۋارىسىدە قالغان كىشىلا يېسەك، ئىچسەكلا دەيدۇ.

نەپسى بالا

  • نەپسى بالا[يەشمىسى:] ئاچ كۆز، تويماس:[مىسال:] ئاغزى كۆيمىسە، چوغنى يېۋىتىشتىن يانمايدۇ، بۇ نەپسى بالالار.

نەپسى بالانى يەيدىغان

  • نەپسى بالانى يەيدىغان[يەشمىسى:] «نەپسىگە بالا تەگكۈر»گە قاراڭ.

نەپسى تاقىلدىماق

  • نەپسى تاقىلدىماق[يەشمىسى:] ① يېگۈسى، ئىچكۈسى كېلىپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزى بىلەن تەڭ بىردىنلا ئاغزىمغا سېرىقسۇ كېلىپ نەپسىم تاقىلداپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنى قىلىشقا بەك ئالدىراپ كەتمەك:[مىسال:] شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسى قوزغىلىپ، قىزغا بولغان شەھۋانە نەپسى تاقىلداپ كەتتى.

نەپسىگە بالا تەگكۈر

  • نەپسىگە بالا تەگكۈر[يەشمىسى:] ئۆز نەپسىگە بېرىلىپ كەتكەن، نەپسىگە ئامراق ئادەملەرگە ئىشلىتىدىغان قارغىش سۆزى:[مىسال:] ھوي نەپسىگە بالا تەگكۈر، تۇر ئورنۇڭدىن.

نەپسىگە ئوت كەتمەك

  • نەپسىگە ئوت كەتمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشقا ياكى كۆرۈشكە بەك ئالدىراپ كەتمەك.

نەپسى يوغىنىماق

  • نەپسى يوغىنىماق[يەشمىسى:] بىراۋدىن تەمە قىلىدىغىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەك، ئاچ كۆزلۈك قىلماق.

نەپسانىي

  • نەپسانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شەھۋانىي، شەھۋەتكە ئائىت:[مىسال:] نەپسانىي ھەۋەس.

نەپسانىيەت

  • نەپسانىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نەپسىگە شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىش:[مىسال:] ئۇ بۇ ئىشتا ئۆز نەپسانىيىتىنىلا ئويلىدى.

نەپسانىيەتچى

  • نەپسانىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئويلايدىغان، ئۆز مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئادەم:[مىسال:] ھوقۇق تۇتقانلار نەپسانىيەتچى بولسا، يۇرت ۋەيرانە، خەلق بىچارە بولىدىكەن.

نەپسانىيەتچىلىك

  • نەپسانىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئويلاش ئىشى، نەپسىگە بېرىلىش ئادىتى؛ ئىنتايىن شەخسىيەتچىلىك:[مىسال:] نەپسانىيەتچىلىك ئىنسان ئۈچۈن ئاخىرقى ھېسابتا ھالاكەت يولى.

نەپسانىيەتلىك

  • نەپسانىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «نەپسانىيەتچىلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] [يەشمىسى:] نەپسانىيەتلىككە بېرىلىش ئىنساننىڭ ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتقانلىقتۇر.

نەپسىز

  • نەپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېپى يوق، نەپ چىقمايدىغان:[مىسال:] نەپسىز مال. نەپسىز ئادەم.

نەپلىك

  • نەپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېپى بار، نەپ چىقىدىغان:[مىسال:] نەپلىك مال. نەپلىك ئىش.

نەپىس

  • نەپىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گۈزەل، چىرايلىق ۋە نازۇك:[مىسال:] ياشلار ناخشىغا جۈر بولماقتا، قىز-يىگىتلەر نەپىس ھەرىكەتلەر بىلەن مەيداندا ئايلانماقتا ئىدى.

نەپىسلەشمەك

  • نەپىسلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەپىس ھالەتكە كەلمەك، نەپىس، گۈزەل بولماق.

نەپىسلەشتۈرمەك

  • نەپىسلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «نەپىسلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نەپىسلىك

  • نەپىسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، نازۇكلۇق:[مىسال:] ئۇ ئاياللارغا خاس سۈلكەت ۋە نەپىسلىك بىلەن ماڭا سالام قىلدى.

نەپىقە

  • نەپىقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يېشى چوڭايغان، ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، مۇقىم كىرىمى يوق كىشىلەرگە ياكى ئىگە-چاقىسىز يېتىم-يېسىرلەرگە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئايمۇئاي بېرىپ تۇرىدىغان تۇرمۇش خىراجىتى:[مىسال:] سارىخان ئانا ھۆكۈمەتتىن بېرىدىغان نەپىقە پۇلى بىلەن كۈن ئالاتتى.[يەشمىسى:] ② نىكاھدىن ئاجراشقاندا ئەرنىڭ ئايالغا ياكى بالىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ئاتا-ئانىغا قانۇنىي يۇسۇندا بېرىدىغان تۇرمۇش خىراجىتى.

نەتىجە

  • نەتىجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە-ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت:[مىسال:] بۇ خىل ئادەملەر بىلەن سودا-مۇئامىلە قىلىشسا، پۇشايماندىن باشقا نەتىجە كۆرۈلمەيدۇ.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە-ھادىسە تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگۈچى كۆرسەتكۈچ:[مىسال:] ئۆگىنىش نەتىجىسى. ئىمتىھان نەتىجىسى.[يەشمىسى:] ③ ئادەم ياكى شەيئىلەر ئۈستىدە چىقىرىلغان ئاخىرقى خۇلاسە ياكى پىكىر، مۇھاكىمىنىڭ مەنتىقىي يەكۈنى:[مىسال:] نەتىجە چىقارماق. نەتىجىگە كەلمەك.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئارىفمېتىكىلىق ھېسابلاش ئارقىلىق تېپىلغان سان.[يەشمىسى:] ⑤ مەلۇم ئىش، ھەرىكەت قاتارلىقلار ياراتقان پايدا، نەپ، ئۈنۈم؛ مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق:[مىسال:] نەتىجە ياراتماق. نەتىجە قازانماق. نەتىجىگە ئېرىشمەك. *ياخشىلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشىڭىز ئېنىق.

نەتىجىدە

  • نەتىجىدە[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ئاقىۋەتتە، شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى:[مىسال:] نەتىجىدە، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپتى.

نەتىجىسىز

  • نەتىجىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەتىجىسى يوق، نەتىجىسى بولمىغان:[مىسال:] نەتىجىسىز ئىش. ∥ شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ شۇنچە جاپا تارتىپ بىر ھەپتىدە قىلغان ئىشىمىز نەتىجىسىز ئاياغلاشتى.

نەتىجىلەنمەك

  • نەتىجىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەتىجىگە ئىگە بولماق، نەتىجىگە ئېرىشمەك، نەتىجە چىقماق:[مىسال:] ساپ، ھەقىقىي مۇھەببەت نىكاھ بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

نەتىجىلىك

  • نەتىجىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەتىجىسى بار، نەتىجىسى كۆرۈلگەن، نەتىجىسى چىققان:[مىسال:] نەتىجىلىك ئىش. نەتىجىلىك خىزمەت.

نەچە (نە: چە)

  • نەچە (نە: چە)[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قەيەرچە، قانداق:[مىسال:] نەچە گەپ قىلىۋاتىسەن

نەچچە

  • نەچچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] سان-مىقدار ھەققىدىكى سوئالنى بىلدۈرىدۇ، قانچە:[مىسال:] سىلەرنىڭ ئىدارىدە نەچچە كادىر بار[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرمۇنچە، كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ نەچچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئونلار خانىسىدىن يۇقىرى پۈتۈن سانلار بىلەن بىللە كېلىپ ئىسىمنى ئېنىقلىغاندا ئۇنىڭ تەخمىنى سانىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كىيىملىرى يىرتىلغان زىۋىرشانى ئون نەچچە ئادەم ئارىغا ئېلىپ كەلمەكتە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئازراق، ئازغىنا:[مىسال:] ياق-ياق، مەن نېمە قىلىۋاتىمەن-ھە بار-يوقى نەچچە تەڭگىلا پۇل قالدى.

نەچچە جېنىڭ بار

  • نەچچە جېنىڭ بار[يەشمىسى:] قانچىلىك بىڭسىڭ بار، قانچىلىك كۈچ-قۇۋۋىتىڭ بار:[مىسال:] بىزدىن پۇل تەلەپ قىلىشقا پېتىنىدىغان نەچچە جېنىڭ بار

نەچچە قاپاق پىششىقى بار

  • نەچچە قاپاق پىششىقى بار[يەشمىسى:] «نەچچە ئۈجمە پىششىقى بار»غا قاراڭ:[مىسال:] سىز تېخى مۇشتتەك بالا ئىدىڭىز. تويىڭىز بولۇشقا نەچچە قاپاق پىششىقى بار ئىدى.

نەچچە ئۈجمە پىششىقى بار

  • نەچچە ئۈجمە پىششىقى بار[يەشمىسى:] يەنە نۇرغۇن يىل بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە:[مىسال:] سىلە ئاغىچا دەيدىغانغا نەچچە ئۈجمە پىششىقى باردۇ تېخى.

نەچچە-نەچچە

  • نەچچە-نەچچە[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] شۇ سۆزدىن كېيىن شاھزادە قىز بىلەن خەيرىلىشىپ يولغا راۋان بوپتۇ ۋە نەچچە-نەچچە كۈنلەر يول يۈرۈپ بىر تاغ تۈۋىگە يېتىپ كەپتۇ.

نەچچەيلەن

  • نەچچەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] نەچچە نەپەر ئادەم، نەچچە كىشى:[مىسال:] ئۆيدە نەچچەيلەن بار

نەچچىلەپ

  • نەچچىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەچچىلىگەن، نۇرغۇن، تولا:[مىسال:] شۇندىن ئېتىبارەن كۈندە دېگۈدەك نەچچىلەپ قوي قاشقىرنىڭ نامىغا ئۆچۈرۈلدى.

نەچچىلىك

  • نەچچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] سانى، مىقدارى، ھەجمى، ئېغىرلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە قانچە، نەچچە، قانچىلىك:[مىسال:] شۇ ماڭغىنىمچە نەچچىلىك يول باسقانلىقىمنى بىلمەيمەن.

نەچچىلىگەن

  • نەچچىلىگەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەچچىلەپ، نۇرغۇن، تولا:[مىسال:] بۇ چۆلدە نەچچىلىگەن پالۋانلار قۇربان بولغان.

نەچچىنچى

  • نەچچىنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ئورۇن-تەرتىپى ھەققىدىكى سوئالنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىز ئۈرۈمچىگە نەچچىنچى يىلى كەلگەن.

نەچچىنچىلىك

  • نەچچىنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەچچىنچى ئورۇن، نەچچىنچى دەرىجە:[مىسال:] بۇ مۇسابىقىدە نەچچىنچىلىككە ئېرىشتىڭىز

نەخكەش

  • نەخكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناچىدىكى مەشۈت يىپلارنى كۇدىغا تەكشى يۆگەشكە ياردەم بېرىدىغان ياغاچ سايمان.

نەدە

  • نەدە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① قەيەردە، قايسى ئورنىدا، قايسى جايدا:[مىسال:] ئالىمنى نەدە كۆردۈڭ.[يەشمىسى:] ② قانداق:[مىسال:] بۇ نەدىمۇ مېنىڭ خىيالىم بولسۇن.[يەشمىسى:] ③ بەزى پېئىللارنىڭ ئالدىدا كېلىپ شۇ پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنى ئىنكار قىلىدۇ:[مىسال:] نەدە يېقىلدىم. نەدە ئۇردۇم. نەدە دېدىم.[يەشمىسى:] ④ «يوقسۇ ئۇنداق ئەمەس»دېگەن مەنىدىكى تەكەللۇپ سۆزى:[مىسال:] رەقىبنىڭ ماختاشلىرىدىن مۇدىر قولىنى يېرىم كۆتۈرۈپ:[مىسال:] ھەي، نەدە، نەدە دېدى يۇقىرىدىن ئورۇن ئېلىۋېتىپ.

نەدىكى

  • نەدىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاڭلاپ باقمىغان؛ كۆرمىگەن، بولمىغان؛ بولمىغۇر، قاملاشمىغان، ئورۇنسىز؛ناچار، ئەسكى، يارامسىز:[مىسال:] نەدىكى ئىش. نەدىكى گەپ. نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن ئاپا.

نەدىكىنى

  • نەدىكىنى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] نەدىمۇ ئۇنداق بولسۇن:[مىسال:] دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىنلا مەن مەنزىلگە يەتكەن چېغىمىز دەپ ئويلاپتىمەن، نەدىكىنى، سېمونت يولدا خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق.

نەرە

  • نەرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاتتىق ئاۋاز:[مىسال:] نەرە تارتماق.

نەرە تارتماق

  • نەرە تارتماق[يەشمىسى:] قاتتىق ۋارقىرىماق، شاۋقۇن كۆتۈرمەك:[مىسال:] گۆھەر پۇرۇش بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ بىر نەرە تارتىپلا ھوشىدىن كېتىپتۇ.

نەرخ

  • نەرخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ، مالنىڭ پۇل بىلەن ئىپادىلەنگەن قىممىتى؛ باھا:[مىسال:] ئاش نەرخى ئاسمان (ماقال). * نەرخى نەچچە پۇل

نەرخ-ھاۋا

  • نەرخ-ھاۋا[يەشمىسى:] نەرخ، باھا:[مىسال:] ھازىر بازارلار ئاۋات، تۇرمۇش پاراۋان، نەرخى-ھاۋا مۇقىم.

نەرسە

  • نەرسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەر تۈرلۈك ماددىي مەۋجۇدات، ھەر تۈرلۈك شەيئى:[مىسال:] نەرسە بىزدىن تاشقىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ سەزگۈ ۋە تەسەۋۋۇرلىرىمىز نەرسىنىڭ ئوبرازى.[يەشمىسى:] ② ياشاش ئۈچۈن، ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇيۇم، مەھسۇلات:[مىسال:] يېگۈدەك ھېچ نەرسە قالمىدى.[يەشمىسى:] ③ ئومۇمەن ھەر تۈرلۈك ھادىسە، ئىش (گەپ-سۆز، كۈلكە، ئىش، ۋەقە قاتارلىق):[مىسال:] ئۇ ئۆمرىدە ئىككى نەرسىنى ياخشى كۆردى. بىرى گۈزەلئاينى، بىرى ناخشىنى.[يەشمىسى:] ④ ئومۇمەن جانلىقلارنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ شۇ سۆز ئىپادىلىگەن تۈرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ ئىلگىرىكىن قۇۋ نەرسە-دە.

نەرسە-كېرەك

  • نەرسە-كېرەك[يەشمىسى:] تۇرمۇشقا لازىم بولغان بويۇملار:[يەشمىسى:] ئۇ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىپ يولغا راۋان بولدى.

نەرسىلەشتۈرۈش

  • نەرسىلەشتۈرۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ستى<[يەشمىسى:] جانلاندۇرۇش ئۇسۇلنىڭ بىر خىل شەكلى. بۇنىڭدا ئادەم نەرسە قىلىپ يېزىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل كۆپىنچە ھەجۋىي ئەسەرلەردە قوللىنىدۇ.

نەرگىسگۈل

  • نەرگىسگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① تاشسامساق ئائىلىسدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەڭگىچە غولى تۇخۇم شەكىللىك، يوپۇرمىقى لېنتا شەكىللىك، گۈلى ئاق، ئوتتۇرىسى سېرىق ۋە كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىمدە، خۇشبۇي پۇرايدۇ.مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. تەڭگىچە غولى ۋە گۈلى جۇڭيىدا دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

نەزەر

  • نەزەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قاراش، كۆرۈش:[مىسال:] نە بولغاي بىر نەزەر سالساڭ، ماڭا رەھمىڭنى كەم قىلماي، بېسىپ تاشقا بۇ باغرىمنى يولۇڭدا ئىنتىزار بولدۇم.[يەشمىسى:] ② بىرەر ۋەقە، ھادىسە ياكى ئىش-ھەرىكەتتىن ھاسىل قىلغان سوبيېكتىپ چۈشەنچە، تونۇش، بىلىش:[مىسال:] نەزەر دائىرىسى كەڭ ئادەم.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نەزەر ئاغدۇرماق

  • نەزەر ئاغدۇرماق[يەشمىسى:] دىققىتىنى بۇرىماق، قارىماق:[مىسال:] سابىر كۆپچىللىككە نەزەر ئاغدۇردى.

نەزەر تاشلىماق

  • نەزەر تاشلىماق[يەشمىسى:] قارىماق، كۆز تاشلىماق:[مىسال:] جۇماش ئۇنىڭغا بىر نەزەر تاشلاش بىلەنلا بىر پەس قېتىپ تۇرۇپ قالدى.

نەزەردە تۇتماق

  • نەزەردە تۇتماق[يەشمىسى:] ئېتىبارغا ئالماق، ھېسابقا ئالماق؛كۆڭلىگە پۈكمەك، ئۇيلىماق:[مىسال:] سەن نېمىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ تۆگىچىگە كېپىل بولغان

نەزەردىن ساقىت قىلماق

  • نەزەردىن ساقىت قىلماق[يەشمىسى:] يوققا چىقارماق يوق دەپ ھېسابلىماق:[مىسال:] مېنىڭ ۋاقىت تەقەززاسى بىلەن يازغان ئەرزىمەس ماقالىلىرىمنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا تېگىشلىك.

نەزەر كۆزىنى سالماسلىق

  • نەزەر كۆزىنى سالماسلىق[يەشمىسى:] قاراپمۇ قويماسلىق:[مىسال:] ئۇ يەردىكى ھەميانغا نەزەر كۆزىنىمۇ سالماي ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى.

نەزەرگە ئالماق

  • نەزەرگە ئالماق[يەشمىسى:] «نەزەردە تۇتماق»قا قاراڭ:[مىسال:] سارىخان ئانىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا چەككەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ئۇلارغا يېڭى بىنادىن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي تەقسىم قىلدى.

نەزەرگە سىغماسلىق

  • نەزەرگە سىغماسلىق[يەشمىسى:] يارىماسلىق، مۇۋاپىق كەلمەسلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ قېلىن ساقىلى بولسا، مانا ئۇ ھەددىدىن تاشقىرى ھەيران بولغۇدەك ۋە نەزەرگە سىغمايدىغان بىر نەرسە ئىدى.

نەزىرىدىن چۈشمەك

  • نەزىرىدىن چۈشمەك[يەشمىسى:] ئىززەت-ھۆرمىتىدىن دىققەت-ئېتىبارىدىن مەھرۇم بولماق:[مىسال:] ئەلىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈش، تىرىك ئۆلگەن بىلەن باراۋەر.

نەزىرى ئۈستۈن

  • نەزىرى ئۈستۈن[يەشمىسى:] ئادەم ياراتمايدىغان، يۇقىرىنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھالى چوڭ؛ تەكەببۇر، يوغانچى:[مىسال:] نەزىرى ئۈستۈن، نەرخى پەس(ماقال).

نەزەربەند

  • نەزەربەند[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] تۈرمىگە قامىماي ھەرىكىتىنى چەكلەش، كۆز ئالدىدا تۇتۇپ تۇرۇش:[مىسال:] مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا گۇمانلىق شەخس بولۇپ نەزەربەند قىلىندىم.

نەزەرسىز

  • نەزەرسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەزىرىنى سالماي، قارىماي:[مىسال:] گەرچە بىر قۇرۇق شاخ مەن، سەمەرىسىز بولاي ئەل چاكىرى، قويما نەزەرسىز.

نەزەرىيە

  • نەزەرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئەمەلىيەتتىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلىملىرى ھەققىدىكى سىستېمىلىق يەكۈن.[يەشمىسى:] ② ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە باشقا ساھەلەرنىڭ مەنتىقىي ئابستراكت پىكىر قىلىش يولى بىلەن ئىشلەپ چىقىلغان ئاساسلىرى:[مىسال:] تەدرىجى تەرەققيات نەزىرىيىسى.[يەشمىسى:] ③ پاكىت، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپلىرىنى ئاساسلاپ بەرگۈچى ئىلمىي قانۇن-قائىدىلەر يىغىندىسى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر پەن ساھەسىنى ياكى ئۇنىڭ بىرەر قىسمىنى تەشكىل قىلغۇچى قائىدىلەر ياكى بىرەر ساھەدە بىلىم، ماھارەت ئاشۇرۇش، ھۈنەر ئۆگىنىش، تەجرىبە ھاسىل قىلىش يولىدىكى بىلىم، قائىدىلەر يىغىندىسى:[مىسال:] ماشىنا-مېخانىزملار نەزەرىيىسى. مۇزىكا نەزەرىيىسى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر نەرسىگە، مەسىلىگە بولغان قاراش، نۇقتىئىنەزەر ياكى ئۇلارنىڭ سىستېمىسى:[مىسال:] ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەھسۇلات ئالماشتۇرۇشتا، پەقەت تاۋارنىڭ «پوستى»لا بار دەپ قارايدىغان ئەنئەنىۋى نەزەرىيە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.

نەزەرىيىچى

  • نەزەرىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلىم-پەننىڭ بىرەر ساھەسىدە نەزەرىيىۋى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ نەزەرىيە مۇتەخەسسىسى.

نەزەرىيىسىز

  • نەزەرىيىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەزەرىيىسى يوق، نەزەرىيىگە ئاساسلانمىغان، نەزەرىيە سۆزلەنمىگەن:[مىسال:] نەزەرىيىسىز بەزى پاكىتلارنى يېزىپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ.

نەزەرىيىلىك

  • نەزەرىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەزەرىيىسى بار، نەزەرىيىگە ئاساسلانغان:[مىسال:] نەزەرىيىلىك مەسىلىلەر.

نەزەرىيىۋى

  • نەزەرىيىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەزەرىيىگە ئائىت، نەزەرىيە بىلىمىگە باغلىق بولغان:[مىسال:] ئۇ مەخسۇس يېزا ئىگىلىك تېمىسىدا بىر نەزەرىيىۋى ماقالە يېزىپ چىقتى.

نەزم

  • نەزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىر، شېئىرىيەت، پوئېزىيە:[مىسال:] نەزم تۈزمەك.

نەزمسىز

  • نەزمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەزمى يوق، نەزم قوشۇلمىغان:[مىسال:] مەرغۇل مۇقام مۇزىكىلىرىدىكى بىر نەغمە شەكلىدىن ئىككىنچى نەغمە شەكلىگە ئۆتۈشتىكى مۇزىكا بولۇپ، نەزمسىز بولىدۇ.

نەزمشۇناس

  • نەزمشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] شېئىر ۋە شېئىرىيەتنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس، ئالىم.

نەزمشۇناسلىق

  • نەزمشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەدەبىيات پېنىنىڭ شېئىر ۋە شېئىرىيەت قىسمىنى تەتقىق قىلىدىغان تارمىقى.

نەزمىي

  • نەزمىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شېئىرىيەتكە ئائىت، تەۋە، شېئىرىي؛ نەزم تۈسىنى ئالغان، نەزمگە خاس:[مىسال:] نەزمىي ئەسەر.

نەزىر

  • نەزىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① ساۋاب تېپىش ئۈچۈن خۇدا يولىدا بېرىلگەن نەرسە:[مىسال:] نەزىرگە قوي سويماق.[يەشمىسى:] ② ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىپ، جامائەتنىڭ ئالدىغا ئاش-تائام كەلتۈرۈپ خەتمىقۇرئان قىلىش پائالىيىتى:[مىسال:] ئاكامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاتا-ئانام يىغلاپ-قاقشاپ ئۇنىڭ نەزىرىنى بەردى.

نەزىرە

  • نەزىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>[[يەشمىسى:] ① ئەد<[يەشمىسى:] ئىلگىرى ئۆتكەن ياكى زامانداش شائىرنىڭ ئەسىرىگە ئوخشىتىپ يېزىلغان ياكى جاۋاب تەرىقىسىدە ئىجاد قىلىنغان يېڭى شېئىر.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

نەزىر-چىراغ

  • نەزىر-چىراغ[يەشمىسى:] خۇدا يولىدا ئۆتكۈزۈلگەن نەزىر ۋە ياكى شۇ خىلدىكى دىنىي مۇراسىملارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى؛ نەزىر:[مىسال:] دادامنىڭ نەزىر-چىرىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن بىر يولى ماڭاي دەپ قالدىم.

نەزىر-نىياز

  • نەزىر-نىياز[يەشمىسى:] «نەزىر-چىراغ»قا قاراڭ.

نەس

  • نەس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇيۇنمىغان، پاسكىنا، ئىپلاس:[مىسال:] نەس ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوڭۇشسىزلىق، كېلىشمەسلىك، پالاكەت:[مىسال:] غەپلەتتە قالغان كىشىنى نەس باسىدۇ.

نەسەب

  • نەسەب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كېلىپ چىقىش، ئۇرۇغ، نەسىل، جەمەت؛ ئەجداد:[مىسال:] ئىككىمىز باشقا نەسەبتىن تۇرساق، مەن ساڭا قانداق راۋا بولاتتىم.

نەسەبچىلىك

  • نەسەبچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەسەب سۈرۈشتۈرۈش:[مىسال:] بۇ ئۈچ قىز نەسەبچىلىك ئادىتى بويىچە گەپ قىلاتتى.

نەسەبسىز

  • نەسەبسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەسەبى تونۇلمىغان، ئەجدادى مەشھۇر ئەمەس:[مىسال:] ئۇغۇ شۇنداق، بىراق... نەسەبسىز ئائىلە-دە دېدى ئۇ جىيەنىنى چېكىپ تۇرۇپ.

نەسەبشۇناس

  • نەسەبشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەسەب تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم.

نەسەبشۇناسلىق

  • نەسەبشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەسەبنى تەتقىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئوبيېكتى قىلغان پەن:[مىسال:] جەۋلانى ھەممىلا پەنگە قىزغىن ھەۋەس قىلاتتى، بولۇپمۇ تارىخشۇناسلىق ۋە نەسەبشۇناسلىققا بەكمۇ ئىشتىياق باغلايتتى.

نەسەبلىك

  • نەسەبلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەسەبى ئابرۇيلۇق، ئەجدادى تونۇلغان، نەسەبى ئۇلۇغ:[مىسال:] ئۇنىڭ سالاپىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، تەقى-تۇرقىدىن نەسەبلىك ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

نەسەبنامە

  • نەسەبنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر كىشىنىڭ كېلىپ چىقىش، نەسلى، ئۇرۇغ-ئەجدادى ھەققىدە يېزىلغان خاتىرە:[مىسال:] مەن ئائىلىمىزنىڭ نەسەبنامىسىنى يېزىپ قوياي دەۋاتىمەن.

نەسر

  • نەسر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] [تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① ۋەزىن، قاپىيىسىز ئاددىي نۇتۇق شەكلى بىلەن يېزىلغان بەدىئىي ئەسەر.[يەشمىسى:] ② ئەركىن تۈزۈلگەن بەدىئىي ئەسەرلەر يىغىندىسى، پروزا.

نەسرىي

  • نەسرىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نەسر يولى بىلەن يېزىلغان، نەسر شەكلىدىكى:[مىسال:] نەسرىي ئەسەرلەر، نەسرىي يولدا بايان قىلماق.

نەسرىي شېئىر

  • نەسرىي شېئىر[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] نەسرىي ئەسەر شەكلى بىلەن شېئىرىي تىل ئارقىلىق لىرىك مەزمۇنلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەم ھەر قانداق ئۆلچەم بىلەن چەكلەنمەيدىغان شېئىرىي ئەسەر.

نەسلىك

  • نەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاسكىنىلىق، ئىپلاسلىق.[يەشمىسى:] ② ئوڭۇشسىزلىق، پالاكەتلىك، كېلىشمەسلىك:[مىسال:] بىز ساتىراشنىڭ گەپنى مۇنداق سوزۇۋېرىشىدىن ئۇ يىگىتنى نەسلىككە ئۇچراتقانلىقىغا ئىشەندۇق.

نەسلى-ۋەسلى

  • نەسلى-ۋەسلى[يەشمىسى:] ئۇرۇق-ئەۋلادى:[مىسال:] مۇبادا ئۆزۈڭنى بىلىشمىسەڭ، شۇ تاپتىلا نەسلى-ۋەسلىڭنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.

نەسىل

  • نەسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىر ئەۋلاد، بىر ئەجدادقا مەنسۇپ بولغان كىشىلەر ئۇرۇقى ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، زاتى، نەسەبى، تېگى-تەكتى:[مىسال:] نەسلىنى سۈرۈشتۈرمەك. نەسىلدىن نەسىلگە ئۆتمەك.[يەشمىسى:] ② كېيىنكى ئەۋلاد:[مىسال:] نىشان ئەيلەپ كېلەچەكنى نەسىللەر بەختىنى كۆزلەپ، يېمىش تىككەن گۈزەل باغقا، تۆكۈپ ساپ قان بىلەن تەرنى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] مەلۇم بەلگە، خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە، بىر تۈرگە مەنسۇپ ھايۋانلار گۇرۇپپىسى، ئۇرۇقى؛ سورتى:[مىسال:] ئۇ بىرقانچە يىللار مابەينىدە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، «دون»، «ئورلۇف»نەسىللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلى ئېتىنىڭ يېڭى نەسلى «تىيانشان ئېتى»نى يېتىشتۈرگۈچە ھەقىقەتەنمۇ ئاز جان ئۇپراتمىدى.

نەسىلچىلىك

  • نەسىلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەبىئىي ۋە سۈنئىي يول بىلەن يېڭى نەسىل يېتىشتۈرۈش مەشغۇلاتى.

نەسىلداش

  • نەسىلداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر نەسىل، بىر ئۇرۇقدىن بولغان؛ نەسلى بىر، نەسلى ئوخشاش:[مىسال:] ئېشىكى دەم پۇشقۇرۇپ دەم ھاڭراپ، ئالدى تەرەپتە كۆرۈنگەن نەسىلداشلىرىغا تېزرەك يېتىشىۋېلىشقا ئالدىرايتتى.

نەسىلداشلىق

  • نەسىلداشلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزئارا نەسىلداش بولغان مۇناسىۋەت، نەسلى بىرلىك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نەسىلداشلارنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق:[مىسال:] نەسىلداشلىق كۆپەيتىش.

نەسىلسىز

  • نەسىلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەسلى يوق، نەسىل قالدۇرماي:[مىسال:] قايتا تۇغۇشىڭىز ئەمدى يوق گەپ، قېچىردەك نەسىلسىز ئۆتۈشتىن ئۆلگىنىمىز ياخشى.

نەسلسىزلىك

  • نەسلسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەسلى يوقلۇق، نەسىل قالدۇرمىغانلىق؛ نەسلى ناچارلىق.

نەسىللەندۈرمەك

  • نەسىللەندۈرمەك[يەشمىسى:] ① «نەسىللەنمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئەركەك ھايۋان بىلەن چىشى ھايۋاننىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا قوشۇش ئارقىلىق يېڭى بىر ئەۋلادنى ھاسىل قىلماق.

نەسىللەندۈرۈشمەك

  • نەسىللەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «نەسىللەندۈرمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نەسىللەنمەك

  • نەسىللەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] چىشى ھايۋاننىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىسى ئەركەك ھايۋاننىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن، يېڭى بىر ئەۋلاد تۆرەلمىنى ھاسىل قىلماق، ئەۋلاد قالدۇرماق.

نەسىللىك

  • نەسىللىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەسلى ياخشى، سورتلۇق:[مىسال:] نەسىللىك كالا. نەسىللىك ئات.

نەسىھەت

  • نەسىھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرنى ياخشى يولغا باشلاش، تەلىم-تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە ئېيتىلغان گەپ؛ مەسلىھەت، تەلىم:[مىسال:] نەسىھەت بەرمەك. نەسىھەت قىلماق.

نەسىھەتچى

  • نەسىھەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] ئادەم قېرىغاندا راستتىنلا نەسىھەتچى بولۇپ قالىدىكەن.

نەسىھەتچىلىك

  • نەسىھەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەسىھەت قىلىش ئىشى:[مىسال:] ھازىر شېئىر ئىجادىيىتىدە، ئوبرازسىزلىقتىن تاشقىرى، يەنە نەسىھەتچىلىك خاھىشى كۈچىيىپ قېلىۋاتىدۇ.

نەسىھەتگۇي

  • نەسىھەتگۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] پەند-نەسىھەتنى تولا قىلىدىغان، پەند-نەسىھەت قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان ياكى ئۇنىڭغا ئامراق ئادەم؛ نەسىھەتچى:[مىسال:] يىراق يولدا ئۇچرىغان كىشى تەمكىن، تولىمۇ نەسىھەتگۇي ئىدى.

نەسىھەتگۇيلۇق

  • نەسىھەتگۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەسىھەت قىلىش ئىشى، نەسھەتچىلىك:[مىسال:] سىز ئۆزىڭىزنىڭ تولىمۇ نەسىھەتگۇيلۇق ئادىتىڭىز بىلەن يۇقىرىدىن پەسكە قاراپسىز.

نەسىھەتنامە

  • نەسىھەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ۋەز-نەسىھەت يېزىلغان خەت، كىتاب:[مىسال:] ئۇنىڭ بالىسىدىن بالىسىغىچە ئاشۇنداق يەرلەرگە كىرىپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش ھەققىدە ۋەسىيەت، نەسىھەتنامىلەرنى يازغۇسى كېلەتتى.

نەشە

  • نەشە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەندىردىن ياسىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك.

نەشپۈت

  • نەشپۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى ئاق كېلىدۇ. مېۋىسى ئىستېمال قىلىنىدۇ. سورتلىرى كۆپ. شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.كورلىنىڭ نەشپۈتى ئەڭ داڭلىق.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

نەشپۈتلۈك

  • نەشپۈتلۈك[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] نەشپۈت ئۆستۈرۈلگەن، نەشپۈت جىق:[مىسال:] نەشپۈتلۈك باغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەشپۈت ئۆستۈرۈلگەن جاي:[مىسال:] نەشپۈتلۈككە بارماق.

نەشتەر

  • نەشتەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① يارىنى يېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۆتكۈر تىغ.[يەشمىسى:] ② زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ چاقىدىغان ئەزاسى.

نەشتىرىنى تىقماق

  • نەشتىرىنى تىقماق[يەشمىسى:] كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە، زىتىغا تېگىدىغان گەپ-سۆز قىلماق.

نەشتىرىنى سانجىماق

  • نەشتىرىنى سانجىماق[يەشمىسى:] «نەشتىرىنى تىقماق»قا قاراڭ.

نەشتەرلەنمەك

  • نەشتەرلەنمەك[يەشمىسى:] «نەشتەرلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

نەشتەرلىمەك

  • نەشتەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەشتەر سانجىماق، نەشتەر بىلەن يارماق؛نەشتىرى بىلەن زەھەرلىمەكياكى زەخىملەندۈرمەك.

نەشر

  • نەشر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەسەرلەرنى مەتبەئە ئورۇنلىرىدا بېسىش، بېسىپ تارقىتىش:[مىسال:] نەشر قىلماق. * «ئويغانغان زېمىن»رومانىنىڭ 2-قىسمى يېڭىلا نەشردىن چىقتى.

نەشرىيات

  • نەشرىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باسما ئەسەرلەرنى تەييارلايدىغان ۋە ئۇنى نەشر قىلىدىغان ئورۇن؛مۇئەسسەسە:[مىسال:] شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. مىللەتلەر نەشرىياتى.

نەشرىياتچىلىق

  • نەشرىياتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باسما ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش ئىشى:[مىسال:] نەشرىياتچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نەشر قىلىنىدىغان ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئۆسۈپ بارماقتا.

نەشىخور

  • نەشىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] نەشە چېكىشكە ئادەتلەنگەن، نەشىنى كۆپ چېكىدىغان:[مىسال:] نەشىخور ئادەم.∥ئۇ نەشىخورنى كىم بىلمەيدۇ.

نەشىخورلۇق

  • نەشىخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەشە چېكىش ئادىتى:[مىسال:] ئۇ مەدرىسىدە ئوغرىلىقچە قىمارۋازلىق، نەشىخورلۇقنى ئۆگەنگەن.

نەشىكەش

  • نەشىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] نەشە چېكىشكە ئادەتلەنگەن، نەشىنى كۆپ چېكىدىغان ئادەم:[مىسال:] بۇ پەس قىلىقنى شۇ نەشىكەش، تەييارتاپ قەلەندەر قىلسۇن

نەغەزگۈل

  • نەغەزگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

نەغمە

  • نەغمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئىجرا قىلىنغان ئاھاڭ:[مىسال:] ئۆي ئىچىدىن توختىماي نەغمە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

نەغمە-ناۋا

  • نەغمە-ناۋا[يەشمىسى:] نەغمە ۋە ناۋا:[مىسال:] ساراي ئىچىدىن نەغمە-ناۋا ۋە كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى.

نەغمىچى

  • نەغمىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەغمە قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] نەغمىچىلەر قىز كۆچۈرۈش قوشىقىنى ئېيتتى.

نەغمىچىلىك

  • نەغمىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەغمە قىلىش ئىشى.

نەغمىكەش

  • نەغمىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] نەغمە قىلىدىغان كىشى، نەغمىچى:[مىسال:] زىياپەتتە ھەممە كىشى شاراب ئىچىپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ نەپىس ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈپ، نەغمىكەشلەرنىڭ يېقىملىق، شوخ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، ھۇزۇر قىلىپ كۆڭۈل ئېچىپتۇ.

نەغمىلىك

  • نەغمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەغمىگە خاس بولغان:[مىسال:] ئون ئىككى مۇقام تەركىبىدىكى ناۋا، سىگاھ قاتارلىق مۇقاملار مۇزىكىلىق پۇرىقى ۋە نەغمىلىك خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا «شەش مۇقامى»تەركىبىدىكى شۇ ناملىق مۇقاملارغا زادى ئوخشىمايدۇ.

نەق

  • نەق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھازىرلانغان، تەييارلانغان؛ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئېلىنىدىغان ياكى بېرىلىدىغان؛نېسى ئەمەس:[مىسال:] نەق ئالماق. نەق ساتماق.نەق پۇل. * نەقتىن ھەسەل چىقتى، نېسىدىن كېسەل (ماقال).[يەشمىسى:] ② توغرا، دەل:[مىسال:] نەق گەپ. نەق شۇنىڭ ئۆزى.

نەق پۇل

  • نەق پۇل[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] ئۆز ۋاقتىدا بەرگىلى بولىدىغان پۇل، تەييار پۇل:[مىسال:] نەق پۇل تۆلىمەك. نەق پۇل ئالماق.

نەق چوت

  • نەق چوت[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] كارخانا، ئىدارە، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا ئىگىلىك تەشكىللىرىدە يىل ئاياغلاشقاندىن كېيىن بېجىرىلىدىغان ھېساب بوغۇش ۋە يىللىق بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋېلى تۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.

نەق گەپ

  • نەق گەپ[يەشمىسى:] گەپنىڭ توغرىسى، پوسكاللىسى، بولىدىغان يېرى:[مىسال:] ئۇ ئاخىرى نەق گەپنى قىلدى.

نەق مال

  • نەق مال[كەسىپ تۈرى:] [كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] ئۆز ۋاقتىدىلا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بولىدىغان ماللار.

نەق مەيدان

  • نەق مەيدان [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئەنزە، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ياكى شۇ ئورۇندا ئەنزە، ۋەقە يۈز بېرىۋاتقان ھالەت:[مىسال:] نەق مەيداننى تەكشۈرۈش. نەق مەيداننى قوغداش.[يەشمىسى:] ② بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ۋە تەجرىبە قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئورۇن:[مىسال:] نەق مەيدان مەشغۇلاتى. نەق مەيدان ئوقۇتۇشى. نەق مەيدان يىغىنى.

نەقدانە

  • نەقدانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] نەق، نەق بار:[مىسال:] يىللىقچىلار قولىدا بار نەقدانە نەرسىلىرىنى يوللۇق تۇتۇشتى.

نەقرات

  • نەقرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ناخشا ئاھاڭلىرىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئورۇنداشتىن كېيىن تەكرارلىنىپ قايتا كەلگەن بۆلەك، قايتۇرما.

نەققاش

  • نەققاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نەققاشچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، نەقىش ئويىدىغان كىشى:[مىسال:] سەلىم باي شەھەرگە كېلىپلا نەققاشنى قىچقىرىپ، ئۆينىڭ ئىچى-تېشىغا نەقىش ئويدۇرۇپتۇ.

نەققاشلىق

  • نەققاشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەقىش ئويۇش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] نەققاشلىق قاتارلىق ھۈنەرلەردىن خەۋىرىم بار، دېدى رەسسام.

نەقلەشتۈرمەك

  • نەقلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «نەقلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نەقلەشمەك

  • نەقلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نەق بولماق؛ نېسى بولماي نەق بولماق:[مىسال:] بۇ يىل تەقسىمات نەقلەشتى.[يەشمىسى:] ② ئۇدۇللاشماق:[مىسال:] يىل ئاخىرىدا چىقىم قىلىنغان پۇل بىلەن تالۇن نەقلەشتى.

نەقلىيات

  • نەقلىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەم، يۈك قاتارلىقلارنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش ئىشى؛ قاتناش:[مىسال:] ھازىر ئوزۇق-تۈلۈك، يەم-خەشەك كەمچىل، نەقلىياتىمىز قىيىن.

نەقمۇنەق

  • نەقمۇنەق[يەشمىسى:] دەل، نەق، توپتوغرا:[مىسال:] ئىككى-ئۈچ كۈندىن بېرى ئاممىدىن چۈشكەن پىكىرلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن تېخى بۇنداق ئېنىق ھەم نەقمۇنەق پىكىر يوق دېيەرلىك ئىدى.

نەق-نېسى

  • نەق-نېسى[يەشمىسى:] نەق ھەم نېسى، بەزىسى نەق، بەزىسى نېسى.

نەقىش

  • نەقىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] ① ئويۇپ ئىشلەنگەن گۈل، بېزەك:[مىسال:] نەقىش ئويماق. نەقىش ئىشلىمەك. نەپىس نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بىنا.[يەشمىسى:] ② ئاپتۇۋا جوغىسىنىڭ ئۈستىدىكى تاجىسىمان گۈلى.

نەقىشچى

  • نەقىشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەققاش.

نەقىشلەتمەك

  • نەقىشلەتمەك[يەشمىسى:] «نەقىشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ دۇتتارىنى نەقىشلەتتى.

نەقىشلەنمەك

  • نەقىشلەنمەك[يەشمىسى:] «نەقىشلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قولىغا مىستىن نەقىشلەنگەن جامنى ئېلىپ چېلەككە سۇ ئالدى.

نەقىشلىك

  • نەقىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەقىش ئويۇلغان، نەقىش بىلەن بېزەلگەن:[مىسال:] كوچىنىڭ بېشىدىكى نەقىشلىك دەرۋازىدىن كىرىۋىتىپ ئۈزۈمنى خۇددى بىر باغچىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

نەقىشلىمەك

  • نەقىشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەقىش ئويماق، نەقىش ئويۇپ بېزىمەك:[مىسال:] گويا ئابتوبۇستا ئەمەس، ئاجايىپ گۈزەل نەقىشلەنگەن، چىرايلىق جاھازىلار، رەڭدار گىلەملەرگە تولغان شاھانە سارايدا كېتىۋاتىمەن.

نەقىل

  • نەقىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خەلق تەرىپىدىن توقۇلغان ۋە ئەۋلادتىنئەۋلادقا قېلىپ كېلىۋاتقان ئاغزاكى رىۋايەت ياكى بىرەر كىشى، نەرسە ياكى ئۇنىڭ تارىخى ھەققىدىكى گەپ-سۆز، ھېكايە:[مىسال:] زامانە ئاۋۋالدا ئۆتكەنىكەن بېخىل، بېخىللىق قىلمىشى تىللاردا نەقىل.[يەشمىسى:] ② خەلق تەرىپىدىن يارىتىلغان ھېكمەتلىك سۆز؛ ماقال:[مىسال:] شۇندىن بۇيان «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېگەن بۇ نەقىل ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ، تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئاپتۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئەسەر، تېكىست قاتارلىقلاردىن ئەينەن، سۆزمۇسۆز كۆچۈرۈپ ئېلىنغان پارچە ياكى گەپ-سۆز:[مىسال:] نەقىل ئالماق. نەقىل كەلتۈرمەك.

نەلىك

  • نەلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] قەيەردە تۇغۇلغان، قايسى يۇرتتىن:[مىسال:] سىز نەلىك بۇ نەلىك ئادەم

نەلىن

  • نەلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدىكى خارنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ياستۇق ياغاچ.

نەم

  • نەم[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە تەركىبىدىكى ياكى ئۇنىڭغا سىڭگەن، سۈمۈرۈلگەن سۇ:[مىسال:] نەم تارتماق.يەرنىڭ نېمى قاچماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياش:[مىسال:] قارىسا بىر توپ خالايىق جىنازىنى كۆتۈرۈپ، چىرايىدا غەم كۆزلىرىدە نەم تۇپراق بېشىغا كېتىپ بارغۇدەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇ سۈمۈرگەن، سۇ يۇققان؛ ھۆل:[مىسال:] نەم ھاۋا.نەم تۇپراق. نەم توپا. نەم يەر.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆل يەر ياكى ئورۇن:[مىسال:] يارىم ياتىدۇ يالغۇز، گۈلنىڭ تۈۋىدە نەمدە. مۇڭداشقىلى يارى يوق، ئۇخلاپ قالىدۇ غەمدە.

نەمتېپە

  • نەمتېپە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چالا-بۇلا نەملەنگەن، بوشراق نەم قىلىنغان.

نەمخۇش

  • نەمخۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرئاز نېمى بار، نەمرەك، ھۆلرەك:[مىسال:] مارت ئېيى كىرىش بىلەن ئەتىيازنىڭ نەمخۇش ھاۋاسى پۈتۈن يېزىنى قاپلىدى.

نەمدەتمەك

  • نەمدەتمەك[يەشمىسى:] «نەمدىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجسى.

نەمدەشمەك

  • نەمدەشمەك[يەشمىسى:] «نەمدىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نەمدەلمەك

  • نەمدەلمەك[يەشمىسى:] «نەمدىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئانىنىڭ كۆز چاناقلىرى ئىختىيارسىز نەمدەلمەكتە ئىدى.

نەمدىمەك

  • نەمدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەم قىلماق، نەم ھالەتكە كەلتۈرمەك، ھۆلدىمەك:[مىسال:] ئۇ قۇرۇغان كالپۇكىنى تىلى بىلەن نەمدەپ قويۇپ، خەت ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى.

نەمسىز

  • نەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېمى يوق، نەم تارتمىغان:[مىسال:] نەمسز يەر.

نەمسىزلىك

  • نەمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نېمى يوق، نەم تارتمىغان ھالەت.

نەملەشتۈرمەك

  • نەملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «نەملەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ تىلىدا لەۋلىرىنى نەملەشتۈرگۈدەكمۇ ھۆللۈك يوق ئىدى.

نەملەشمەك

  • نەملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەم بولماق، نەم ھالەتكە كەلمەك، نەملەنمەك:[مىسال:] ئابىدەم گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. كۆز چاناقلىرى نەملىشىپ، قانداقتۇر بىرنەرسە كېكىردىكىنى بوغماقتا ئىدى.

نەملىشەڭگۈ

  • نەملىشەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئازراق نەملەشكەن، ئازراق نېمى بار، تەركىبىدە نەملىك ساقلانغان:[مىسال:] تېرىڭىز نەملىشەڭگۈ بولسا، ھەم يۇمران، ھەم سىلىق بولىدۇ.

نەملىك

  • نەملىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېمى بار، نەمدەلگەن، نەم بولغان، نەم، ھۆل:[مىسال:] ھە دېمەك، شادلىقتىن كۆزلىرىم نەملىك، تيەنئەنمىن ئالدىدىن ئۆتۈۋاتىمەن. قولۇمدا قىزىل گۈل كۆڭلۈمدە ئارزۇ، پايتەخت باغرىدا كېتىۋاتىمەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە تەركىبىدىكى ياكى ئۇنىڭغا سۈمۈرۈلگەن، سىڭگەن سۇ:[مىسال:] نەملىكى يوقىلىش. نەملىكتىن پارچىلىنىش. نەملىك ساقلىماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەم بولۇش ياكى تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] نەملىكى ياخشى يەر.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەم ھالەت:[مىسال:] كىيىمنى نەملىكىدە دەزماللىماق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەم يەر ياكى ئورۇن:[مىسال:] نەملىكتە ياتماق. نەملىكتە ئولتۇرماق.

نەمۇنە

  • نەمۇنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەر تەقلىد قىلىدىغان، دورايدىغان، ئۆگىنىشكە، ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم، ئىش، نەرسە ياكى ئۇسۇل؛ ئۈلگە، تىپ:[مىسال:] نەمۇنە بولماق. نەمۇنە ياراتماق.[يەشمىسى:] ② بىر تۈردىكى نەرسىلەرنىڭ تەتقىقات ئۈچۈن تاللىۋېلىنغان نۇسخىسى، ئەۋرىشكىسى:[مىسال:] بۇ ئالىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەر خىل تەتقىقات نەمۇنىلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ تەجرىبە قىلغان.[يەشمىسى:] ③ مىراس ياكى خاتىرە ئۈچۈن قالدۇرۇلغان يالداما، يادىكارلىق:[مىسال:] بۇ قازان ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان بىر نەمۇنە ئىدى، شۇ قازاننىڭ ئىزى يوقاپ كەتمىسۇن.

نەمۇنىچى

  • نەمۇنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر جەھەتتىن باشقىلارغا نەمۇنە بولىدىغان كىشى:[مىسال:] ھېيتئاخۇن ئاكا يېزىمىز بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى ئىدى.

نەمۇنىچىلىك

  • نەمۇنىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەمۇنىچى، ئىلغار بولۇش، ئىلغارلىق:[مىسال:] نەمۇنىچىلىك تالاشماق.

نەمۇنىلىك

  • نەمۇنىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەمۇنە بولىدىغان، ئۈلگىلىك:[مىسال:] بىز ئىتتىپاق ئەزالىرى جاپالىق جاينى تاللاشتا، دۆلەتنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنۇشتا نەمۇنىلىك رول ئوينىشىمىز لازىم.

نەنمۇ

  • نەنمۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «نەنمۇ دەرىخى»گە قاراڭ.

نەنمۇ دەرىخى

  • نەنمۇ دەرىخى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كامفورا دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ. ياغىچى قىممەتلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالى بولۇپ، كېمە ياساش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

نەھۋى

  • نەھۋى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] سىنتاكسىس.[يەشمىسى:] ② گەپ، سۆز:[مىسال:] تەلىيىم تارتىپ چىقاردى مېنى ئۇشبۇ سەھنىگە، قەلب ساداسى «ھېچ ئورۇن يوق»دەيدۇ ھىجران ۋەھىمىگە، شۇ نېسىپ بولسا نە ھاجەت يەنە سۆزگە — نەھۋىگە، پاك نىيەتلەر ئەيلىگەي زوق پاك مۇھەببەت ئەھلىگە، بەختىيارمەن گەر مۇناسىپ بولسا بۇ ئۇنۋان ماڭا.

نەئۇزۇبىللا

  • نەئۇزۇبىللا[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] كۇپۇر سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئېيتىلىدىغان «بىز ئاللادىن پاناھلىق تىلەيمىز»دېگەن مەنىدىكى سۆز:[مىسال:] نەئۇزۇبىللا دېدى سەدەنشا ئاخۇنۇم ھاكىمغا قارىماي تۇرۇپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] زادى، زادىلا:[مىسال:] شۇنى دېمەمسەن...شۇنچە گەپ قىلسام، نەئۇزۇبىللا يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىدى.

نەۋ

  • نەۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىرسىيەتچانلىقى بىر قەدەر مۇقىملاشقان، ئەجدادلىرى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولغان يەككە تەنلەر. نەۋلەر سېلىشتۇرۇپ باھالانغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلىرى كېڭەيتىلىدۇ ۋە سورت بولالايدۇ.[يەشمىسى:] ② تۈر، خىل؛ سورت.

نەۋباھار

  • نەۋباھار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باش باھار:[مىسال:] جان ئاتامنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتەر ئوخشايمەن. نەۋباھارغا يېتەلمەي سولۇپ كېتەر ئوخشايمەن.

نەۋجۇۋان

  • نەۋجۇۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ياش ئايال:[مىسال:] كۈن چۈشۈپتۇر بۇ باشىمغە، زەھەر قوشۇپتۇر ئاشىمغە. تۇپراق تولۇپ كۆز ياشىمغە، نەۋجۇۋانلار ئاندا قالدى.

نەۋرە

  • نەۋرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بالىسىنىڭ بالىسى، يەنى ئۈچىنچى ئەۋلاد:[مىسال:] نەۋرە كۆرمەك. نەۋرە قىزى.

نەۋرە-چەۋرە

  • نەۋرە-چەۋرە[يەشمىسى:] نەۋرە ۋە چەۋرە:[مىسال:] ئۇلار يۇرتىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، تەڭ قېرىپ، تەڭ ياشاپ، نۇرغۇن نەۋر-چەۋرە كۆرۈپتۇ.

نەۋرىلىك

  • نەۋرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەۋرىسى بار، نەۋرە كۆرگەن:[مىسال:] ئەگەر ئىككىسى ئەپلىشىپ قالسا، ئەتە-ئۆگۈن سىلىنى نەچچە نەۋرىلىك قىلىۋېتىدۇ.

نەۋقىران

  • نەۋقىران[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان. ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان:[مىسال:] ئۇ چاغدا بىز 19 — 20گە كىرگەن نەۋقىران يىگىت ئىدۇق.

نەي

  • نەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] توغرىسىغا تۇتۇپ، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان بىر خىل دۇخوۋوي چالغۇ ئەسۋابى. قۇمۇشتىن ياسىلىدۇ. ئۈستىدە پۈۋلەش تۆشۈكى ۋە بىر رەت ئاۋاز تەڭشەش تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. چالغاندا، ئېغىز پۈۋلەش تۆشۈكىدىن پۈۋلەپ بەرسە، قول بارماقلىرى ئاۋاز تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىپ-يېپىش ئارقىلىق ئاھاڭنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئىچى كاۋاك ھەم ئۇزۇن كەلگەن تۇرۇبا شەكىللىك نەرسە؛ نەيچە:[مىسال:] ئەينەك نەي. نەيدە ئوت پۈۋلىمەك.

نەيچە

  • نەيچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەي شەكىلدىكى ئىچى كاۋاك بولغان كىچىك نور.

نەيچى

  • نەيچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەي چالىدىغان كىشى:[مىسال:] ئاڭلىغانلار دەرمىش كەلگەندۇ، نەيچى كىمنى ئىزدەپ بۇياققا

نەيرەڭ

  • نەيرەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇل، ۋاسىتە؛ قۇۋلۇق-شۇملۇق، ھىيلە:[مىسال:] ۋەزىر بۇ نەيرەڭنىڭ قازى تەرىپىدىن سادىر بولغانلىقىنى ئۇقۇپتۇ.

نەيرەڭچى

  • نەيرەڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىيلە-نەيرەڭ قىلىپ يۈرىدىغان كىشى، نەيرەڭۋاز.

نەيرەڭۋاز

  • نەيرەڭۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرگە ھىيلە-مىكىر، نەيرەڭ قىلغۇچى كىشى، نەيرەڭچى.

نەيرەڭۋازلىق

  • نەيرەڭۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەيرەڭ ئىشلىتىش ئىشى، ھەرىكىتى؛ ھىيلە-مىكىر قىلىپ ئالداش:[مىسال:] ئەمىسە، بۇ سىياسىي نەيرەڭۋازلىقمۇئۆزۈممىغۇ شۇنداقتۇر دەپ ئويلىۋىدىم.

نەيزە

  • نەيزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئۇرۇش قورالى. ھازىرمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تۆمۈر ياكى باشقا مېتاللاردىن سوقۇلغان ئۇچنى بىر تال ياغاچقا ئورنىتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] مىلتىقنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلىدىغان، ئۇچى ئۆتكۈر قىسمى:[مىسال:] مىلتىق نەيزىسى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئېتىش قورالى. ياغاچ ياكى باشقا مېتاللاردىن ياسىلىدۇ. ئوتتۇرىسى توم، ئىككى بېشى ئىنچىكە كېلىدۇ. بىر بېشىغا ئۇچلۇق كەلگەن بىر تال مېتال ئۇچ ئورنىتىلغان بولىدۇ.

نەيزۇ

  • نەيزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يايپاڭ قاراچىنە.

نەيزىچى

  • نەيزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەيزە بىلەن ئۇرۇشىدىغان كىشى، نەيزىۋاز:[مىسال:] نەيزىچىلەر، قىيقاس-چۇقانچىلارمۇ شۇنداق سادا بىلەن ئېگىزلىككە يۈگۈرۈشۈپ چىقماقتا ئىدى.

نەيزىلەتمەك

  • نەيزىلەتمەك[يەشمىسى:] «نەيزىلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نەيزىلەشمەك

  • نەيزىلەشمەك[يەشمىسى:] ① «نەيزىلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② نەيزىلىك ئېلىشماق:[مىسال:] باتۇر تاغا ئاتلىق نەيزىلىشىشنى يەنە بىر قېتىم سۇتۇققا ئۆگەتتى.

نەيزىلەنمەك

  • نەيزىلەنمەك[يەشمىسى:] «نەيزىلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ نامەلۇم بىر كىشى تەرىپىدىن نەيزىلەندى.

نەيزىلىك

  • نەيزىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەيزىسى بار، نەيزە تۇتقان:[مىسال:] چېرىكلەر ئامانقۇلدا قورال يوقلۇقىنى كۆرۈپ، نەيزىلىك مىلتىقلىرىنى تەڭلىشىپ قورشاپ كېلىشتى.

نەيزىلىمەك

  • نەيزىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەيزە تىقماق، نەيزە سانجىماق:[مىسال:] ئاكىسىنى ئالتە چېرىك بۇلتۇر كۈز ئەنە ئاۋۇ يول ئۈستىدە نەيزىلەپ ئۆلتۈردى.

نەيزىۋاز

  • نەيزىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نەيزە تۇتۇپ ئېلىشىدىغان كىشى، نەيزە ئىشلەتكۈچى كىشى.

نەيزىۋازلىق

  • نەيزىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەيزە سانجىش ئىشى:[مىسال:] نەيزىۋازلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] نەيزە سانجىش ئارقىلىق قىلىنىدىغان جەڭ ياكى نەيزە بىلەن جەڭ قىلىش، نەيزە جېڭى:[مىسال:] بۇ چاغدا كۇلۇب ئالدىدا بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا نەيزىۋازلىق قىزىپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ئەسۋابلىق چامباشچىلىق مەشىقى ياكى ماھارىتى. ئۇنىڭدىكى نەيزە خىللىرى ئۇزۇن نەيزە، ئىلمەكلىك نەيزە، ئىككى ئۇچلۇق نەيزە ۋە قىسقا نەيزە قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى توسۇش، تۇتۇش ۋە سانجىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ھەرىكەتلەر بولىدۇ.

نەيلىك

  • نەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەي بىلەن ئورۇنلانغان، نەي تەڭكەش قىلىنغان:[مىسال:] نەيلىك ئاھاڭ. * پەسلىمەيدۇ نەيلىك ناخشا نېمىشقا كىم لېۋىدىن ئىزدەيدۇ ئۇ جاۋابنى.

نگۇلترۇم

  • نگۇلترۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇتاننىڭ پۇل بىرلىكى.

نوبېل

  • نوبېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۋېتسىيە خىمىكى ھەم كەشپىياتچىسى. 1833 — 1896-يىللىرى ياشىغان.

نوبېل مۇكاپاتى

  • نوبېل مۇكاپاتى[يەشمىسى:] شۋېتسىيە خىمىكى ھەم كەشپىياتچىسى نوبېلنىڭ مىراسىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات. 1901-يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا ۋە تىنچلىق ئىشلىرى بويىچە تارقىتىلىپ كەلگەن. 1968-يىلى ئۇنىڭغا ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپات تۈرى قوشۇلغان. ھازىر بۇ ئالتە تۈر بويىچە تارقىتىلىۋاتىدۇ.

نوبېلىي

  • نوبېلىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (NOBELIUM)No. كاربون ئىئونى ئارقىلىق كيۇرىينى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ، ئەڭ تۇراقلىق ئىزوتوپىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تەخمىنەن 5.1 سائەت.

نوپ

  • نوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىش.

نوپۇز

  • نوپۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىززەت-ئابرۇي، تەسىر:[مىسال:] ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نوپۇزىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

نوپۇزسىز

  • نوپۇزسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نوپۇزى يوق، ئابرۇيسىز.

نوپۇزلۇق

  • نوپۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نوپۇزى بار، ئابرۇيلۇق:[مىسال:] چوڭراق دوختۇرخانىدىن نوپۇزلۇق تاشقى كېسەل دوختۇرى تەكلىپ قىلىپ، كېسەلنى كۆرسىتەيلى.

نوپۇس

  • نوپۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشى، جان:[مىسال:] سىلەرنىڭ ئائىلىدە نەچچە نوپۇس بار[يەشمىسى:] ② مەلۇم مەملىكەتكە، شەھەرگە ۋە رايون قاتارلىقلارغا تەۋە بولغان كىشى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى:[مىسال:] سىزنىڭ نوپۇسىڭىز نەدە

نوپۇسشۇناس

  • نوپۇسشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نوپۇس ئىلىمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى، نوپۇس مۇتەخەسسىسى.

نوپۇسشۇناسلىق

  • نوپۇسشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نوپۇسنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان پەن.

نوپۇق

  • نوپۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يوشۇرۇن، مەخپىي.

نوتاⅠ

  • نوتاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] دەل-دەرەخلەرنىڭ تۈپتىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان يۇمران شېخى:[مىسال:] ئالما نوتىسى. نەشپۈت نوتىسى.

نوتاⅡ

  • نوتاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] بىر دۆلەتنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەتكە يازغان رەسمىي مۇراجىئەتنامىسى:[مىسال:] نوتا تاپشۇرماق.

نوتاⅢ

  • نوتاⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ① تاۋۇشنىڭ شەرتلىك يازما بەلگىسى:[مىسال:] نوتىغا ئالماق. نوتىغا سالماق.[يەشمىسى:] ② شۇنداق بەلگىلەر بىلەن يېزىلغان مۇزىكا ئەسىرىنىڭ تېكىستى، شۇنداق تېكىستلەر يېزىلغان دەپتەر، كىتاب ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] ئەينى زامان مۇزىكا ئاھاڭلىرى ياكى نوتىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يوقالغان.

نوتىلىق

  • نوتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نوتىسى بار؛ نوتا بەلگىلىرىنى يېزىش ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] نوتىلىق ستان.

نوچى

  • نوچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارغا بوزەك بولمايدىغان ھەم باشقىلارنى بوزەك قىلمايدىغان؛ كۈچلۈك، گاڭگۇڭ، مەرد:[مىسال:] مەن ساڭا ئېجىل-ئامراق، ئۆلتۈرەي سېنى قانداق ئۆلتۈرمەي دېسەم نوچى، خاننىڭ يارلىقى شۇنداق.[يەشمىسى:] ② سەرخىل، ئەڭ ياخشى:[مىسال:] مال دېگەننىڭ نوچىسىنى تاللاپ ئېلىش كېرەك.

نوچىلاشماق

  • نوچىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نوچىلىقنى ئىپادىلىمەك، نوچى بولماق:[مىسال:] بۇرۇنقى قورقۇنچاقلار ھازىر نوچىلىشىپ كېتىپتۇ.

نوچىلىق

  • نوچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈچلۈكلۈك، گاڭگۇڭلۇق؛ مەردلىك، باتۇرلۇق:[مىسال:] نوچىلىق قىلماق. * مەنسۇر نوچىلىق بىلەن كۈلۈپ قويدى.

نوختا

  • نوختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلارنىڭ بېشىغا سېلىپ، ئۇلارنى يېتىلەش، باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جابدۇق:[مىسال:] ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كونترول، چەكلىمە:[مىسال:] ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق، تىلنىڭ سۆڭىكى (ماقال).

نوختىسىز

  • نوختىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نوختىسى يوق، توختا سېلىنمىغان:[مىسال:] نوختىسىز ئات.

نوختىسىزلىق

  • نوختىسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نوختا سېلىنمىغان، نوختىسى يوق ھالەت.[يەشمىسى:] ② باشباشتاقلىق، ئۆز ئىختىيارىلىق.

نوختىلاتماق

  • نوختىلاتماق[يەشمىسى:] «توختىلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نوختىلانماق

  • نوختىلانماق[يەشمىسى:] «نوختىلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نوختىلانغان ئات يېتىلەككە ماڭار (ماقال).

نوختىلىق

  • نوختىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نوختىسى بار، نوختا سالغان.

نوختىلىماق

  • نوختىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① نوختا سالماق، نوختا بىلەن باغلىماق:[مىسال:] ئاتنى نوختىلىماق. كالىنى نوختىلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەلۇم تەرەپكە باغلاپ قويماق، چەكلىمەك، تىزگىنلىمەك:[مىسال:] ھۆكۈمران سىنىپلار ئۇنى تۆۋەن قاتلام سىنىپلىرىنى نوختىلاپ قويىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋاسىتىسىلا قىلىۋالدى.

نوختىۋاغ

  • نوختىۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نوختا+باغ[[يەشمىسى:] چۇلۋۇر.

نوخلا

  • نوخلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئات، ئېشەكلەرنىڭ بۇرنىدا بولىدىغان بىر خىل ئۆسمە:[مىسال:] ئاتنىڭ نوخلىسىنى ئالماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىبىر:[مىسال:] نوخلىسى ئۆسۈپ قالماق.

نوخلىسىنى ئالماق

  • نوخلىسىنى ئالماق[يەشمىسى:] ئەدەپلەپ قويماق، ھەيۋىسىنى سۇندۇرماق:[مىسال:] ئۇ، بۈگۈن نەق مەيداندىلا ئىمىن كۇلاھنىڭ نوخلىسىنى ئالماقچى ئىدى.

نوخلىسى ئۆسمەك

  • نوخلىسى ئۆسمەك[يەشمىسى:] ھەددىدىن ئاشماق، كۆرەڭلەپ كەتمەك:[مىسال:] جۈرئەتنىڭ نوخلىسىنىڭ ئۆسۈپ قالغانلىقىنى خېلى بۇرۇن بايقىغانمەن.

نورⅠ

  • نورⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەن چۈشۈرگىسى، ئۆگزە قاتارلىق ئېگىزرەك جايلارغا ئورنىتىلىدىغان ھەمدە سۇ چۈشۈرۈش رولىنى ئۆتەيدىغان ئوقۇرسىمان قۇرۇلما:[مىسال:] بىر نەچچە مەرتىۋە ياغايمۇ-ياغمايمۇ دەپ تۇرغان يامغۇر بىردىنلا شارقىراپ يېغىشقا، نورلاردىن شارىلداپ ئېقىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ، ھاۋا ھەم باشقا نەرسىلەرنى بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆتكۈزۈش رولىنى ئوينايدىغان سىلىندىر شەكىللىك بۇيۇم ياكى قۇرۇلما:[مىسال:] سېمونت نور. ساپال نور.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كاۋاك، بوش:[مىسال:] ئۇ ئۇچقاندەك تۆمۈرچىلىك سېخىغا باردى ۋە بىردەمدىن كېيىن بىر بېشى كىچىكرەك، بىر بېشى چوڭ، ئىچى نور قەلەمچە سوقتۇرۇپ كېلىپ ئىشلىتىۋىدى، ئەپلىشىپ قالدى.

نورⅡ

  • نورⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تامچە.

نورلۇق

  • نورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نور ئورنىتىلغان، نور بېكىتىلگەن:[مىسال:] خىجالەتچىلىك ئىلكىگە چۆمگەن نامان ئاكىمۇ قوش نورلۇق ئوۋ مىلتىقىنى سايراتتى.

نورما

  • نورما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ، ئىشىنىڭ ئېنىق بەلگىلىگەن ئۆلچىمى، مىقدارى:[مىسال:] ھازىر ئۇنى ئەڭ قىينايدىغىنى ئاشلىق نورمىسىنىڭ يېتىشمەسلىكى ئىدى.[يەشمىسى:] ② رەسىمىيلەشكەن قائىدە-مىزان؛ ئۆلچەم:[مىسال:] ئەخلاق نورمىسى.

نورمال

  • نورمال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئادەتتىكى قانۇنىيەت ۋە ئەھۋاللارغا ماس كېلىدىغان، ئادەتتىكى، ئادەتتىكىچە؛ ئۆلچەملىك، مۆتىدىل:[مىسال:] نورمال ئەھۋال. نورمال ھادىسە.[يەشمىسى:] ② ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ساغلام؛ ساق:[مىسال:] ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا بولمىغان ياكى ئىدېئالىستىك پەيلاسوپلاردىن دەرس ئالمىغان ھەر قانداق نورمال ئادەم بۇ مەسىلىنى چۈشىنەلەيدۇ.

نورمالسىز

  • نورمالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نورمال ئەمەس، نورمال بولمىغان:[مىسال:] يېقىندىن بېرى ئۇنىڭدا مۇنداق نورمالسىز ئەھۋال پات-پات كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالغانىدى.

نورمالسىزلاشماق

  • نورمالسىزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نورمالسىز ھالەتكە كەلمەك، نورمالسىز بولۇپ قالماق:[مىسال:] كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە نورمالسىزلىشىپ كەتكەنىدى.

نورمالسىزلىق

  • نورمالسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نورمال بولمىغان ھالەت، قىياپەت، كەيپىيات:[مىسال:] جالالنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر خىل چۈشىنىپ بولماس نورمالسىزلىق سېزىم ھاسىل بولدى.

نورماللاشتۇرماق

  • نورماللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «نورماللاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] راھىلە بالىنى ئۆز ئاغزى بىلەن سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇپ، نەپەسلىنىشنى نورماللاشتۇرغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ قان بېسىمىنى تەكشۈردى.

نورماللاشتۇرۇشماق

  • نورماللاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «نورماللاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نورماللاشتۇرۇلماق

  • نورماللاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «نورماللاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

نورماللاشماق

  • نورماللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نورمال بولماق، نورمال ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى نورماللاشتى.

نورماللىق

  • نورماللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نورمال ھالەت:[مىسال:] ئۇ نورماللىقنى ساقلاشقا شۇنچە تىرىشسىمۇ ئاخىرى بەزى ئېگىز-پەس ئىشلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنالمىدى.

نورمىسىز

  • نورمىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نورمىلىق ئەمەس، نورما بەلگىلەنمىگەن:[مىسال:] ئاشلىق دېگەن ھازىر نورمىسىز.

نورمىلىق

  • نورمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نورما بېكىتىلگەن، نورما بىلەن تەمىنلىنىدىغان:[مىسال:] نورمىلىق ئاشلىق.

نورۇز

  • نورۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى. دېھقانلار كالېندارى بويىچە يىلنىڭ بېشى بولۇپ، مىلادىيە كالېندارىدا 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ:[مىسال:] كەلدى نورۇز، كۈلدى غۇنچە، كۆڭۈل يايرىدى، گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل سايرىدى.

نورۇزگۈل

  • نورۇزگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نورۇز+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى ئاق ياكى ھال رەڭ بولۇپ، ئومۇم گۈل رېتىدە ياكى ئۆگزىسىمان گۈل رېتىدە كېلىدۇ، سەل-پەل پۇرايدۇ. مېۋىسى شارسىمان ۋە قارا كېلىدۇ. ئەسلىي ماكانى ياپونىيە. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

نورۇزلۇق

  • نورۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نورۇز ئۈچۈن تەييارلانغان:[مىسال:] نورۇزلۇق ئاش.

نوسىلكا

  • نوسىلكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] دوختۇرخانا ياكى ھەربىي قىسىملاردا كېسەل ۋە يارىدارلارنى توشۇش ئۈچۈن ئىشلتىلىدىغان زەمبىل شەكىللىك ئەسۋاب. جاھازىسى ياغاچ ياكى بامبۇكتىن قىلىنىپ، ئوتتۇرىسىغا برېزېنت ياكى تانا تارتىلىدۇ:[مىسال:] ھايال ئۆتمەي نوسىلكىغا ياتقۇزۇلغان كېسەل نۆۋەتچى ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلدى.

نوغاي

  • نوغاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] تاتارلار.[يەشمىسى:] ② شىمالىي كاپكازنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا ياشىغۇچى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن بىرى.

نوغلا

  • نوغلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوناق ئۇنىدىن خېمىر يۇغۇرۇپ تۆگىگە بېرىش ئۈچۈن راسلانغان كۇمىلاچ، پوم.

نوغۇچ

  • نوغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خېمىرنى يېيىش ئۈچۈن ياغاچتىن ياسالغان ئوتتۇرىسى توم، ئىككى ئۇچى ئىنچىكە، 70 — 80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆي سايمىنى.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يىپ ئايرىش تاياقچىسى.

نوغۇچ-تاختا

  • نوغۇچ-تاختا[يەشمىسى:] نوغۇچ ۋە تاختا.

نوقاتچىلىق

  • نوقاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالدىراشلىق، ئالدىراشچىلىق.

نوقۇت

  • نوقۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى توخۇمسىمان، گۈلى ئاق ياكى سۇس بېغىر رەڭ، مېۋىسى چوكا مېۋە. ئۇرۇقى سەل شار شەكلىدە. يۇمران چوكا مېۋىسىنى ۋە ئۇرۇقىنى يېيىشكە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ چوكا مېۋىسى ۋە ئۇرۇقى.

نوقۇت كىگىز

  • نوقۇت كىگىز[يەشمىسى:] قارا ۋە قىزىل يۇڭنى ئارىلاشتۇرۇپ باسقان كىگىز.

نوقۇشتۇرماق

  • نوقۇشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نوقۇش، ئىتتىرىش ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماق؛ نوقۇشلىماق، ئىتتەرمەك.

نوقۇشلىماق

  • نوقۇشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قول بىلەن نوقۇپ ئىتتەرمەك؛ نوقۇماق:[مىسال:] ئۇلار ئىشىكتىن كىرىپلامېنى نوقۇشلاپ كەتتى.

نوقۇشماق

  • نوقۇشماق[يەشمىسى:] «نوقۇماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كۈيئوغۇلنى كۆرۈش ئۈچۈن ئولتۇرغان مەلىكىنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىنى نوقۇشۇپ «تۈزۈك يىگىتكەن»، دېيىشتى ئۇلار.

نوقۇل

  • نوقۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يالغۇز، پەقەت:[مىسال:] نوقۇل پۇللا بولسا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ دېيىش پۈتۈنلەي بىمەنە گەپ.[يەشمىسى:] ② تومتاق، بىر تەرەپلىمە:[مىسال:] نوقۇل كۆزقاراش.

نوقۇماق

  • نوقۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قول (بولۇپمۇ جەينەك، بارماقلار) بىلەن تۈرتمەك، ئىتتەرمەك:[مىسال:] بىز ھېلىقى كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە، تاغام تۇيۇقسىز مېنى نوقۇپ، قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.

نوكەش

  • نوكەش[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەسمە يۈزى يېرىم چەمبەر ياكى ئېرىق شەكلىدە بولىدىغان نور؛ تۇرۇبا:[مىسال:] نوكەش ئورناتماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەسمە يۈزى يېرىم چەمبەر ياكى ئېرىق شەكلىدە بولىدىغان، ئېرىق شەكلىدىكى:[مىسال:] نوكەش پولات.

نوگاي

  • نوگاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاپاقنىڭ سېپى تۈز ھەم ئۇزۇن، بېشى كىچىكرەك بولغان بىر خىلى. ئادەتتە ئۇنىڭ بېشىدىن مەلۇم چوڭلۇقتا يۇمىلاق تۆشۈك ئېچىلىپ سۇ ئۇسىدىغان بۇيۇم قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.

نوگايلىماق

  • نوگايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نوگاي بىلەن سۇ ئۇسماق:[مىسال:] بىر توپ قىزلار بۇلاقتىن چېلەكلىرىگە نوگايلاپ سۇ ئېلىۋاتاتتى.

نوم

  • نوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇددا دىنىنىڭ كلاسسىك كىتابى:[مىسال:] بۇددا نومى.

نومايەن

  • نومايەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېھراب شەكلىگە كەلتۈرۈپ چۈشۈرۈلگەن نەقىشلىك گۈل.

نوموگرافىيە

  • نوموگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئالاھىدە ئىشلەنگەن سىزىقچىلار ئارقىلىق ھېسابلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىكى ھېسابلاشلاردا، ئادەتتە ئەمەل بېجىرىلىدىغان تەڭلىمە ياكى تەجرىبىنىڭ نەتىجىلىرى شكالىلىق بىرقانچە سىزىقچىدىن تۈزۈلگەن گرافىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئەمەل بېجىرگەندە، بېرىلگەن شەرتلەرگە ئاساسەن، بۇ نۇقتا مەلۇم بىر سىزىقچىنىڭ بىر نۇقتىسىدىن باشلاپ بىر ياكى بىرقانچە قېتىم باشقا سىزىقچىلاردىكى نۇقتىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاۋاب تېپىلىدۇ.

نوموگرامما

  • نوموگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] شكالىلىق بىرقانچە تال سىزىقچىدىن تەشكىللەنگەن، ئەمەل بېجىرىشتە ئىشلىتىلىدىغان گرافا. بۇ گرافا قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىكى ھېسابلاردا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ.

نومۇر

  • نومۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنىڭ رەت-تەرتىپىنى بىلدۈرگۈچى رەقەم:[مىسال:] ئۆينىڭ نومۇرى. بىنا نومۇرى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ خاراكتېرىنى (كۆپىنچە فىزىكىلىق خاراكتېرىنى)ئىپادىلەيدىغان سان-سىپىر. مەسىلەن، سېمونتنىڭ بېسى مغا بولغان قارشىلىق كۈچى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئادەتتە ئۇ 200، 300، 400، 500، 600 قاتارلىق نومۇرلار ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تىپلارغا ئايرىلغان.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش يەنى ئىمتىھان، ئەمگەك قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىگە بېرىلگەن سانلىق باھا:[مىسال:] ئابلىكىم ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ نومۇرلارنى قايتا قويۇپ چىققان بولسىمۇ، دەرھال يەنە ئوسمانجانغا بەردى.[يەشمىسى:] ④ دوختۇرخانىلاردا، كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ رەت-تەرتىپىنى بەلگىلەش ھەم تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئالدىن تارقىتىلىدىغان رەقەملىك بېلەتچە:[مىسال:] نومۇر ئالماق.[يەشمىسى:] ⑤ كىيىم-كېچەك، ئاياغ كىيىمى ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، ئۆلچىمىنى بىلدۈرگۈچى سان، رازمېر:[مىسال:] مەن ئۇنىڭدىن ئىككى نومۇر چوڭ ئاياغ كىيىمەن.[يەشمىسى:] ⑥ كونسېرت، تىياتىر ياكى رادىئو، تېلېۋىزىيەلەردە بېرىلىدىغان ھەربىر كونكرېت مەزمۇن؛ پروگرامما:[مىسال:] تېلېۋىزىيە نومۇرى. نومۇر تەييارلىماق. * ئۇلار ئوينىغان نومۇرلار خېلى جايىدا.

نومۇرسىز

  • نومۇرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نومۇرى يوق، نومۇر قويۇلمىغان، نومۇر يېزىلمىغان:[مىسال:] نومۇرسىز ئورۇندۇق. نومۇرسىز ۋېلىسىپىت.

نومۇرسىزلىق

  • نومۇرسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نومۇرى يوقلۇق، نومۇر قويۇلمىغان ھالەت.

نومۇرلۇق

  • نومۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نومۇرى بار، نومۇر يېزىلغان:[مىسال:] 56-نومۇرلۇق ئۆي.

نومۇس

  • نومۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ ئۆز ئابرۇيىنى قەدىرلەش ۋە ساقلاش تۇيغۇسى؛ ۋىجدان:[مىسال:] نومۇسىنى ساقلىماق. * نومۇس كۈچى ئۇنى شۇنداق قاتتىق تەرلىتىۋەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ② خىجالەت بولۇش ھېس تۇيغۇسى؛ ئۇيات، ئار، شەرم-ھايا:[مىسال:] نومۇس قىلماق. * قىز بالا ئۈچۈن ئاتا-ئانا، ئەل-يۇرت ئالدىدا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق نومۇس بولامدۇ[يەشمىسى:] ③ پاكلىق، ئىپپەت (ئاياللارغا نىسبەتەن):[مىسال:] نومۇسىنى ساتماق. نومۇسىغا تەگمەك.

نومۇس قىلماق

  • نومۇس قىلماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئىزا تارتماق، خىجىل بولماق:[مىسال:] نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نومۇس قىلىپ يېنىڭىزغا كېرەلمىدىم.

نومۇس كۈچىدىن

  • نومۇس كۈچىدىن[يەشمىسى:] ئىزا-ئاھانەت دەستىدىن:[مىسال:] بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرىكىم تېخىمۇ ئېزىلدى، ئەگەر دادامنى دېمىسەم، نومۇس كۈچىدىن ئۆلۈۋېلىشقىمۇ تەييار ئىدىم.

نومۇسىغا تەگمەك

  • نومۇسىغا تەگمەك[يەشمىسى:] باسقۇنچىلىق قىلماق، ئىپپىتىنى ئاياغ ئاستى قىلماق:[مىسال:] ئۇ بىر يېتىم قىزنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن كەم بولغاندا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

نومۇسچان

  • نومۇسچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نومۇسىنى ئەلا دەپ بىلىدىغان، يۈزى تۆۋەن:[مىسال:] نومۇسچان قىز.

نومۇسچانلىق

  • نومۇسچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈزى تۆۋەنلىك، ئۇياتچانلىق:[مىسال:] قىزنىڭ كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى نادەمگە ھامان ھەۋەس، ھۆرمەت ۋە نومۇسچانلىق بىلەن تىكىلەتتى.

نومۇسسىز

  • نومۇسسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نومۇسى يوق، نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، يۈزسىز، ۋىجدانسىز:[مىسال:] نومۇسسىز ئادەم.

نومۇسسىزلارچە

  • نومۇسسىزلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نومۇسسىزلارغا ئوخشاش، نومۇسسىز ھالدا:[مىسال:] قىز-چوكانلارغا نومۇسسىزلارچە چېقىلىپ، ئاياغ ئاستى قىلىۋاتسا، بۇمۇ ئادالەتمۇ

نومۇسسىزلىق

  • نومۇسسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نومۇسى يوقلۇق، ھايا، ئىزانى بىلمەسلىك، قېلىنلىق، ئۇياتماسلىق:[مىسال:] نومۇسسىزلىق قىلماق.

نومۇسلۇق

  • نومۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① نومۇس قىلىدىغان، ھايا، نومۇسنى بىلىدىغان:[مىسال:] نومۇسلۇق ئىش. نومۇسلۇق ئايال.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرگە كۆرسىتىشكە نومۇس قىلىدىغان، خىجىل بولىدىغان:[مىسال:] نومۇسلۇق يەر.

نومىنال

  • نومىنال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بەلگىلەنگەن، يېزىپ كۆرسىتىلگەن(نەرخ، باھا، ئۆلچەم ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] نومىنال باھا. نومىنال ئۆلچەم. نومىنال ئىش ھەققى.

نوۋۇكائىن

  • نوۋۇكائىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل ئاغرىق پەسەيتكۈچى يەنى قىسمەن ھوشسىزلاندۇرغۇچى دورا. ئۇ ئادەتتە ئۇكۇل ئارقىلىق تومۇرغا ماڭغۇزىلىدۇ ياكى كېسەلگە ئىچۈرۈلىدۇ.

نوۋېللا

  • نوۋېللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] قىسقا، كىچىك ھېكايە.

نويابىر

  • نويابىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① قەدىمكى رىم پادىشاھلىرىدىن (پاپالىرىدىن)بىرىنىڭ نامى. ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاينى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مىلادىيە كالېندارىدا ئون بىرىنچى ئاينىڭ نامى.

نۇتۇق

  • نۇتۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم شەيئى ياكى مەلۇم ئىلمىي مەسىلە ھەققىدە جامائەت ئالدىدا سۆزلەنگەن ئۇزۇن سۆز، ۋەز؛ لېكسىيە:[مىسال:] ناتىقنىڭ نۇتقى. يازما نۇتۇق. ئاغزاكى نۇتۇق.[يەشمىسى:] ② سۆزلىشىش جەريانىدىكى تىل:[مىسال:] نۇتۇق مەدەنىيىتى.

نۇجۇم

  • نۇجۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] يۇلتۇزلار:[مىسال:] ئىلمى نۇجۇم.

نۇجىغاي

  • نۇجىغاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «غازتاپان»غا قاراڭ.

نۇرⅠ

  • نۇرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يورۇقلۇق مەنبەسىدىن تارالغان ۋە ئىنچىكە تالا ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغان ماددا:[مىسال:] قۇياش نۇرى. ئاي نۇرى. ئېلېكتر نۇرى.[يەشمىسى:] ② يورۇقلۇق:[مىسال:] مەن ئاي نۇرىدا ھېلىقى ئادەمنىڭ پىكاپقا چىقىپ، قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] دولقۇن ئۇزۇنلۇقى نىسبەتەن قىسقا بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>قىز<[يەشمىسى:] ئېنېرگىيىسى چوڭ، تېزلىكى يۇقىرىبولغان زەررىچىلەر ئېقىمى:[مىسال:] ئالفا نۇرى. بېتا نۇرى. كاتود نۇرى.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تۈز سىزىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى بىر نۇقتىنىڭ تەرىپىدە ياتقان بۆلىكى.[يەشمىسى:] ⑥ ھەقىقەت، بەخت-سائادەت، ئەركىنلىك ۋە مەرىپەت قاتارلىقلارنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] بىلىم نۇرى. ئۆكتەبىر نۇرى.[يەشمىسى:] ⑦ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نۇرⅡ

  • نۇرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر خىل بالىلار ئويۇنچۇقى. كۆپىنچە قاتتىق ياغاچ قاتارلىق ماتېرىياللاردىن قىرغۇدا قىرىپ ياسىلىدۇ. ئۇچ تەرىپى ئۇچلۇق، شەكلى ھەرخىل بولىدۇ. ئۇچىغا شارىك ياكى بېشى يۇمىلاق مىخ ئورنىتىلىدۇ. يەر يۈزىدە پىرقىرىتىش ئارقىلىق ئوينىلىدۇ.

نۇرⅢ

  • نۇرⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تەپكۈچ ئويۇنىنىڭ ئارقىچىلاپ پاشنا بىلەن تېپىپ ئوينايدىغان بىر تۈرى.

نۇرانە

  • نۇرانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] نۇرلۇق، نۇر يېغىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ئەي لەنىتىلەر، نېمە ئۈچۈن خۇدا بەرگەن نۇرانە كۆزلىرىڭلارنى يوشۇرۇپ، قارىغۇ قىلىپ، ئادەم ئالدايسىلەر.

نۇرسىز

  • نۇرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① نۇرى يوق، نۇر چىقارمايدىغان؛ خىرە:[مىسال:] مۇئەللىم مېنى تونۇمايۋاتىلا-ھە دەپ سورىدى بوۋاي چاناقلىرىغا پېتىپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرىنى كۆزۈمگە تىكىپ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قېنى قاچقان، خۇنۈك:[مىسال:] جاراڭلار غالىب ناخشىلار مانا، نۇرسىز چىرايلار نۇرلارغا تولۇپ.

نۇرسىزلاندۇرماق

  • نۇرسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «نۇرسىزلانماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نۇرسىزلانماق

  • نۇرسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نۇرى يوقالماق، نۇرسىز ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ يالقۇنلۇق كۆزلىرى نۇرسىزلانغان، توقاچتەك مەڭزى تاتارغانىدى.

نۇرسىزلىق

  • نۇرسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۇرى يوقلۇق، خۇنۈكلۈك، خىرەلىك.

نۇرغۇن

  • نۇرغۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سان ياكى مىقدار جەھەتتىن كۆپ، جىق، تولا:[مىسال:] بۇ ئىشلارنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆردى، مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.

نۇرغۇن قازاندا قاينىغان

  • نۇرغۇن قازاندا قاينىغان[يەشمىسى:] ھەر خىل، ھەر ياڭزا ئىشلارنى كۆرگەن، قىلغان:[مىسال:] ئۇ ئۆمەك باشلىقى بىلەن بىر چاغلاردا ئۈلپەت بولۇپ، نۇرغۇن قازاندا قاينىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن.

نۇرغۇنلۇق

  • نۇرغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپلۈك، جىقلىق، ئارتۇقلۇق:[مىسال:] بۇنچە ئادەم نۇرغۇنلۇق قىلماسمۇ دەپ سورىدىم.

نۇرغۇنلىماق

  • نۇرغۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆپەيمەك، جىقلىماق:[مىسال:] تۆكۈلگەن قان يامغۇر بولدى ئورمانغا، قىساسچىلار پەيدا بولدى نۇرغۇنلاپ.

نۇرغۇن-نۇرغۇن

  • نۇرغۇن-نۇرغۇن[يەشمىسى:] «نۇرغۇن»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ نۇرغۇن-نۇرغۇن خىياللارنى قىلدى.

نۇرلانە

  • نۇرلانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. يوپۇرمىقى سوقىچاق، دۈمبىسى پارقىراق، گىرۋىكىدە ئۇششاق چىشلىرى بار. گۈل رېتى كونۇس شەكلىدە، گۈللىرى كىچىك، رەڭگى ئاق. نەشپۈتسىمان مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى قىزىل. مېۋىسىدىن ھاراق ئىشلىنىدۇ. يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولى بار.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

نۇرلاندۇرماق

  • نۇرلاندۇرماق[يەشمىسى:] «نۇرلانماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاق قاپقارا قۇمچاقتەك كۆزلىرىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك كۈلۈپ بېرەتتى.

نۇرلانماق

  • نۇرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نۇر پەيدا بولماق، نۇر چاچماق:[مىسال:] ھېيتئاخۇننىڭ يوغان كۆزلىرى نۇرلىنىپ، قوچقار ۋەقەسىدىن بېرى تۇنجى قېتىم كۈلۈمسىرىدى.

نۇرلۇق

  • نۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، نۇر چاچىدىغان:[مىسال:] مەن، دەپتۇ قىز چولپاندەك نۇرلۇق كۆزلىرىنى يىگىتكە تىكىپ.

نۇرىت

  • نۇرىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] چوڭقۇرلۇقتىكى ئاساسلىق جىنسلارنىڭ بىر خىلى. تەركىبىدىكى SiO2 مىقدارى 54%~05% بولىدۇ. ئاساسلىق مىنېراللىرى رومبىلىق پروكسېن ۋە ئاساسلىق پلاگىئوكلاز. رەڭگى قارا قوڭۇر، ئوتتۇرا دانىچىلىقتىن تارتىپ يىرىك دانىچىلىققىچە بولغان تۈزۈلمىگە ئىگە. ھەمىشە گابرو بىلەن بىرگە ئۇچرايدۇ. نىكېل سۇلفىدلىق كان ياتمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

نۇرىستان

  • نۇرىستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] نۇر چاقناپ تۇرىدىغان جاي، نۇرلۇق جاي:[مىسال:] قاغا-قۇزغۇنغا گۈلىستان نە كېرەك قارىغۇ ياپىلاققا نۇرىستان نە كېرەك

نۇزۇ

  • نۇزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇ مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بىجياڭ، فۇگۇڭ، گۇڭشەن، لەنپىڭ ناھىيىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان.

نۇسخا

  • نۇسخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىر تۈردىكى نەرسلەردىن ئېلىنغان نەمۇنە:[مىسال:] مال نۇسخىسى.[يەشمىسى:] ② بىر خىل قىلىپ ياساش، كۆچۈرۈش، بېسىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەمۇنە، ئەندىزە:[مىسال:] نۇسخىغا قاراپ كىيىم پىچماق. كوررېكتور نوسخىسى.[يەشمىسى:] ③ گۈل، نەقىش ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تۈرى:[مىسال:] شۇ ماللار ئىچىدە ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان ھەر خىل رەڭ، ھەر خىل نۇسخىدىكى نىلون چاپانلارمۇ بار ئىدى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، مىنېرال ماددا قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىي شەكلىنى ساقلاش، رەتلەش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئېلىنغان ئەۋرىشكىسى، ئۈلگىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ قېتىم جەمئىي 1200 نەچچە خىل نۇسخا يىغدى. بۇنىڭ 833 خىلى ھاشارات نۇسخىسى.[يەشمىسى:] ⑤ باسما ياكى يازما ئەسەرنىڭ ھەر بىر دانىسى؛ پارچە:[مىسال:] ئىزاھلىق لۇغەت 7000نۇسخا بېسلىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>مەت<[يەشمىسى:] ئوخشاش بىر خىل ئەسەر، كىتاب، ماقالە، ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمە، تەھرىرلىك، كۆچۈرۈپ يېزىش، تۈپلەش ۋە بەت شەكىللىرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىنىدىغان تۈرلىرى:[مىسال:] «ئاشىق-مەشۇقلار ھەسرىتى»دېگەن كىتابنىڭ ئىملا خاتالىقلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان تاش مەتبەئە نۇسخىسىلا مېنىڭ قۇلۇمدا بار ئىدى.[يەشمىسى:] ⑦ بىرەر نەرسىنىڭ ئەسلىسىگە ئوخشىتىپ ياسالغان ياكىسىزىۋېلىنغان كۆچۈرمىسى:[مىسال:] توي كۈنى قىز توي كىيىمنىڭ بىر نۇسخىسىنى باغقا ئەۋەتىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑧ رېتسىپ:[مىسال:] سۈرگە دورىلار تەركىبىگە قوشۇلىدىغان دورىلار مىقدارىنى نۇسخا يېزىش قائىدىسىگە مۇۋاپىق بەلگىلەش لازىم.

نۇسخىئالغۇ

  • نۇسخىئالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نۇسخا+ئال+غۇ[[يەشمىسى:] ماتېرىياللارنىڭ قول يازما ياكى باسما نۇسخىسىنى كۆپەيتىپ چىقىرىدىغان ماشىنا.

نۇسخىلىق

  • نۇسخىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم نۇسخىدىكى، مەلۇم نۇسخا چۈشۈرۈلگەن:[مىسال:] ئېران نۇسخىلىق گىلەم.

نۇسرەت

  • نۇسرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① غەلىبە، زەپەر:[مىسال:] نۇسرەت قازانماق. * ئىش ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك بولسا نۇسرەت چوقۇم بىزنىڭ بولغۇدەك.[يەشمىسى:] ② مەدەت، ياردەم:[مىسال:] تالاي شىرزادىغا نۇسرەت ئاتا قىلغان قەدىم يۇرتتا، ئۈنۈپ چىقتى شۇ كەچمىش جەڭ ئىزىدىن بەت ئېچىپ يۇلغۇن.[يەشمىسى:] ③ ئامەت، بەخت:[مىسال:] نۇسرەت ياغماق. * پەلەكنىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئىشنىپ، جاھالەتنىڭ ھىمايىسى بىلەن قولۇڭغا كەلگەن بىر مەزگىللىك نۇسرەتنى كۆرۈپ، كۆرەڭلەپ كەتمە.[يەشمىسى:] ④ ئەر-ئاياللارنىڭ ئىسمى.

نۇسرەتلىك

  • نۇسرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەختلىك، ئامەتلىك، خاسىيەتلىك:[مىسال:] ئۇ نۇسرەتلىك ئادەم، ئۇنىڭ مۇبارەك قەدىمى تەگكەنلا يەردىن قىزىل گۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ.

نۇقتا

  • نۇقتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاسمان ياكى زېمىندىكى مەلۇم بىر ئورۇن؛ توچكا:[مىسال:] قەمەرنىڭ ئازابتىن چەكچەيگەن كۆزلىرى ھېلى ئۇ نۇقتىغا، ھىلى بۇ نۇقتىغا تىكىلەتتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە قېلىنلىقى بولمىغان، ئەمما پەقەت ئورنىلا بولغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىل. ئىككى تۈز سىزىقنىڭ كېسشىش ئورنى ياكى كېسىكنىڭ ئىككى ئۇچىمۇ نۇقتا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ بىر خىل ھالەتتىن ئىككىنچى خىل ھالەتكە ئۆتۈشىدىكى تېمپېراتۇرا چېگرىسى:[مىسال:] قايناش نۇقتىسى. مۇزلاش نۇقتىسى. ئېرىش نۇقتىسى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ئورۇن، تەشكىلات، سىستېما ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم بىر تارمىقى، شۆبىسى ياكى پونكىتى:[مىسال:] ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر ئىش، ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىقلارنىڭ مۇئەييەن بىر پەيتى، ئورنى ياكى چېگرىسى:[مىسال:] باشلىنىش نۇقتىسى. ئاخىرلىشىش نۇقتىسى.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر ئىش، خىزمەت، مەسىلە، پىكىر قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم تەركىبىي قىسمى؛ تەرەپ، جەھەت:[مىسال:] ئوقۇتۇشتا قىيىن نۇقتىلار بىر يەرگە يىغىلىپ قالماسلىقى لازىم.[يەشمىسى:] ⑦ ئەڭ مۇھىم، ئاساسلىق دەپ قارالغان ياكى بىرەر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا سىناق، تەجرىبە ئۈچۈن ئالدىن بەلگىلەنگەن جاي، ئورۇن:[مىسال:] سادىق «ئالتۇنبۇلاق»يېزىسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللاشقا رازى بولدى.[يەشمىسى:] ⑧ نىشان، مەقسەت:[مىسال:] گەرچە يىغىننىڭ ئاساسىي نۇقتىسى بۇرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كامىل ئاڭلىغانلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكتە ئىدى.

نۇقتىلىق

  • نۇقتىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۇقتا قىلىنغان:[مىسال:] نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، نۇقتا قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ بۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى.

نۇقتىۋى

  • نۇقتىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نۇقتا ھالىتىدىكى:[مىسال:] نۇقتىۋى چەمبەر.

نۇقتىئىنەزەر

  • نۇقتىئىنەزەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نۇقتا+ئى+نەزەر[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنى كۆزىتىشتە تۇرىدىغان مەۋقە ۋە تۇتىدىغان پوزىتسىيە.[يەشمىسى:] ② سىياسىي كۆزقاراش يەنى شەيئىلەر ۋە مەسىلىلەرگە قاراشتا مۇئەييەن سىنىپنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىش.

نۇقسان

  • نۇقسان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەمچىلىك، ئىللەت، قۇسۇر، ئەيىب:[مىسال:] ۋىجىك ھەم پاكارلىقى ئۇنىڭ مەنسىپىگە نۇقسان ئىدى.

نۇقسانسىز

  • نۇقسانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمچىلىكى، ئەيىبى، ئىللىتى يوق:[مىسال:] تەبىئەت تەرىپىدىن نۇقسانسىز يارالغان ئادەملەر ئۆزىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن مەغرۇرلىنىپ ياشايدۇ.

نۇقسانلىق

  • نۇقسانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۇقسىنى، ئىللىتى بار:[مىسال:] نۇقسانلىق ئىش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەمچىلىك، ئەيىب.

نۇكلون

  • نۇكلون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتوم يادروسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەررىچە، يەنى پروتون بىلەن بارىئوننىڭ ئومۇمىي نامى.

نۇكلون رېئاكسىيىسى

  • نۇكلون رېئاكسىيىسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېغىر ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم يادروسىنىڭ پارچىلىنىش ياكى يېنىك ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم يادروسىنىڭ سىنتېزلىنىش (بىرىكىش)جەريانى. بۇ خىل رېئاكسىيە ناھايىتى زور ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدۇ.

نۆتۈرىمەك

  • نۆتۈرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كالۋالاشماق.

نۆشۈدۈر

  • نۆشۈدۈر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] تەبىئىي ئىشلەپچىقىرىلغان ئاممۇنىي خلور. دورا قىلىپ ئىشلىتىلگەندە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش ۋە بەلغەم بوشىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

نۆكەر

  • نۆكەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① فېئوداللىق تۈزۈمدە ئەسكەر، مۇھاپىزەتچى:[مىسال:] تۇرشا تۇغۋېگى:[مىسال:] «قېنى، سىلەر»دەپ توۋلاش بىلەن تەڭ تۆت نۆكەر كىرىپ، نىياز دورغىنى قوللىرىدىن سۆرەپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ② چاكار، مالاي، خىزمەتكار:[مىسال:] چاپارمەن كېلىپ ئاتتىن چۈشۈپ، ئېتىنى نۆكەرلەرگە تۇتقۇزۇپ نۇرغۇن ياساۋۇللارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ شاھ ئالدىغا ھازىر بولىدۇ.

نۆكچە

  • نۆكچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچىغا پاختا يۆگەلگەن چوكىسىمان ياغاچ:[مىسال:] ئۇلار ياغ پۇراتتۇق دەپ سۈبھى ۋاقتىدا ئۇنى ئۈستەلگە تىزىپ، نۆكچە يېقىپ بەخت خۇداسىنى ھۆرمەت بىلەن تەكلىپ قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇيۇغان، قاتقان:[مىسال:] نۆكچە پولات، نۆكچە ناۋات.

نۆل

  • نۆل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ① مىقدارنىڭ يوقلۇقىنى ئىپادىلىگۈچى 《0》بەلگىسىنىڭ نامى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ساننىڭ بوش خانىسى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق ۋە سوغۇقلۇق تېمپېراتۇرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى شەرتلىك چېگرا:[مىسال:] سۇ نۆل گرادۇستا مۇزغا ئايلىنىدۇ.

نۆلگە تەڭ

  • نۆلگە تەڭ[يەشمىسى:] ھېچقانداق قىممىتى يوق، يوق بىلەن ئوخشاش:[مىسال:] جازا ئۆرۈلسە كېچىدىن بېرى ھەممە قىلغان-ئەتكەنلەر نۆلگە تەڭ بولاتتى.

نۆلىنچى

  • نۆلىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] تەرتىپى ياكى مىقدارى《0》بىلەن بەلگىلەنگەن:[مىسال:] نۆلىنچى گۇرۇپپا.

نۆللۈك

  • نۆللۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۆلنى بىرلىك قىلغان، نۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

نۆۋەت

  • نۆۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① شەيئىلەرنىڭ ماكان ياكى زاماندىكى ئورۇنلىشىشىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى؛ ئۆچىرەت:[مىسال:] سۆز نۆۋىتى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى مۇختارغا كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② قېتىم:[مىسال:] ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت (ماقال).[يەشمىسى:] ③ پەيت، پۇرسەت:[مىسال:] ئۇ ئىشنى نۆۋىتى كەلگەندە كۆرەرمىز.

نۆۋەتتىكى

  • نۆۋەتتىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھازىرقى، كۆز ئالدىمىزدىكى:[مىسال:] نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىش ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش.

نۆۋەتچى

  • نۆۋەتچى[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] دىجورنى:[مىسال:] سىز مۇئاۋىن سېخ مۇدىرى تۇرۇقلۇق نېمىشقا سېختا نۆۋەتچى قالدۇرماي چىقىپ كېتىسىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان؛ نۆۋەت بىلەن ماڭىدىغان:[مىسال:] نۆۋەتچى خادىم. نۆۋەتچى ئەسكەر. نۆۋەتچى ئاپتوموبىل. نۆۋەتچى ئايروپىلان. نۆۋەتچى پاراخوت.

نۆۋەتچىلىك

  • نۆۋەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۆۋەتتە تۇرۇش ئىشى:[مىسال:] بۈگۈن ئۇنىڭ بالنىتسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كەچتە ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم.

نۆۋەتسىز

  • نۆۋەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نۆۋەت بويىچە ئەمەس، نۆۋەت كۈتمەي؛ ئۆچىرەتسىز:[مىسال:] تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىشخانىسى ماشىنىڭىزنى نۆۋەتسىز رېمونت قىلىشنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىكىن.

نۆۋەتلەشتۈرمەك

  • نۆۋەتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «نۆۋەتلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوتلاقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىشنى يولغا قويۇش لازىم.

نۆۋەتلەشمە

  • نۆۋەتلەشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نۆۋەتلىشىدىغان:[مىسال:] نۆۋەتلەشمە قاتار.

نۆۋەتلەشمەك

  • نۆۋەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نۆۋەت بويىچە بېجىرمەك، نۆۋەت بىلەن قىلماق:[مىسال:] بىز نۆۋەتلىشىپ ئىشلىدۇق.

نۆۋەتلىشىش

  • نۆۋەتلىشىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] نۇتۇقتا بەزى تاۋۇشلارنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش ھادىسىسى. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى«كەل»سۆزىگە يوقلۇق قوشۇمچىسى«مە»قوشۇلغاندا جانلىق تىلدا شۇ سۆزدىكى«ل»تاۋۇشى بەزىدە «م»غا نۆۋەتلىشىدۇ:[مىسال:] ئۇ تېخى كەممىدى.

نۆۋەتلىك

  • نۆۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان؛ قېتىملىق:[مىسال:] جانابلىرى بىر قانچە نۆۋەتلىك سۆھبەتلىرىدە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىلە.

نۆۋەر

  • نۆۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ياش، يېتىلگەن:[مىسال:] ئۆتمۈشتە پايتەختتىكى ۋاقىتلىرىدا نۆۋەر يىگىت ئىدىلە، ئەمدى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى بولۇپ قاپتۇلا

نې

  • نې[يەشمىسى:] «ن» ھەرپىنىڭ نامى.

نېپتون

  • نېپتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن 8-پلانېتا. قۇياشنى ئومۇمىي ئايلىنىش دەۋرى 8.164 يىل. يورۇقلۇقى بىر قەدەر ئاجىز، ئاددىي كۆزدە كۆرۈنمەيدۇ. يۈزىدىكى تېمپېراتۇرىسى - 002 ℃، ئوراپ تۇرغان ھاۋا تەركىبى ئاساسەن ھىدروگېن ۋە مېتان (پاتقاق گازى)، ئىككى ھەمراھى بار.

نېپتۇنىي

  • نېپتۇنىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئوئاكتىپلىق ئېلېمېنت. بەلگىسى . (Neptunium)Np نېيترون ئارقىلىق ئۇراننى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ، كۈمۈش رەڭلىك، ئەڭ تۇراقلىق ئىزوتوپىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تەخمىنەن 220 مىليون يىل.

نېپىر

  • نېپىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئىلمىدە ئىككى توك كۈچىنىڭ ياكى ئېلېكتر بېسىمىنىڭ نىسبىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىرلىك. ئاكۇستىكىدا ئىككى ماددىي نۇقتا تېزلىكىنىڭ ياكى ئىككى ئاۋاز بېسىمىنىڭ نىسبىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىرلىك. بۇ نام شوتلاندىيە ماتېماتىكا ئالىمى نېپىر[(7161 — 0551) John NApier]نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن.

نېپىز

  • نېپىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېلىن ئەمەس، يۇپقا:[مىسال:] نېپىز كىتاب. نېپىز قەغەز. * ئانىسى ناننى نېپىز ياقىدۇ، بالىسى تويماي قوشلاپ يەيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۈزى تۆۋەن، تارتىنچاق:[مىسال:] ۋۇي... قالتىس نېپىز خېنىم ئىكەنغۇ بۇ مۇنداق نېپىزلىك قىلسىلا، بۇ يەردە بىر كۈنمۇ جان باقالمايدىلا جۇمۇ

نېپىزلەتمەك

  • نېپىزلەتمەك[يەشمىسى:] «نېپىزلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يىلان تېرىسى تېپىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا قوي، موزايغا ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى قۇم قەغەز بىلەن ياخشى تازىلاپ نېپىزلىتىمىز.

نېپىزلەشمەك

  • نېپىزلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نېپىز ھالەتكە كەلمەك، نېپىز بولماق.

نېپىزلەنمەك

  • نېپىزلەنمەك[يەشمىسى:] «نېپىزلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

نېپىزلىمەك

  • نېپىزلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نېپىز، يۇپقا ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] كىتاب كونىراپ يىرتىلىپ نېپىزلاپ كېتىپتۇ.

نېتەي

  • نېتەي[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] قانداق قىلاي، نېمە چارە، نېمە ئامال:[مىسال:] نېچۈن جاننى قۇتقۇزاي بۇ چۆلىستان ئىچىدە، نېتەي شۇنچە ئازغاشتىم قالدى ئارمان ئىچىمدە.

نېچۈك

  • نېچۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① قانداق:[مىسال:] سىلەر شۇنچىلىك غەيرەت قىلىپ داۋالىمىغان بولساڭلار قىزىمنىڭ ھالى نېچۈك بولار ئىدى[يەشمىسى:] ② نېمە ئۈچۈن:[مىسال:] جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈك تولغانماس، ئاشىقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يۇرۇق روجەكلەرنى.[يەشمىسى:] ③ ھەر قانداق:[مىسال:] ھەممە ئادەمگە سەن ياخشى قىلىق قىل، تىلىڭنى خۇش، چىرايىڭنى ئىللىق قىل. نېچۈك سۆز بولسا سەن ياخشى ئىشىتكىن، قۇلاقىڭغا ھالقا قىلىپ بېكىتكىن.

نېچۈن

  • نېچۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] نېمە ئۈچۈن، نېمە سەۋەبتىن، نېمىگە:[مىسال:] نېچۈن تىلدا قولاشماس گەپ نېچۈن دىلنى ئېزەر ھەسرەت

نېرۋا

  • نېرۋا[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] باش ۋە ئارقا مېڭىدىن بارچە ئەزالارغا تارالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان ئىنچىكە تالاسىمان توقۇلما سىستېمىسى ۋە شۇ توقۇلمىلارنىڭ ھەربىرى:[مىسال:] كۆرۈش نېرۋىلىرى. ھەرىكەت نېرۋىلىرى. نېرۋا سىستېمىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزم پائالىيىتى ۋە ئىنسان ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە شۇنداق سىستېمىلار يىغىندىسى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاسان تېرىكىدىغان، ئاچچىقلىنىدىغان، تېرىككەك:[مىسال:] نېرۋا ئادەم. نېرۋا بولماق. نېرۋا قىلماق.

نېرۋا كېسىلى

  • نېرۋا كېسىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] نېرۋا سىستېمىسىنىڭ توقۇلمىلىرىداكېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى يۈز بەرگەن ياكى نېرۋا فۇنكسىيىسى دەخلىگە ئۇچرىغاندىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەر. مەسىلەن، تۇتقاقلىق، نېرۋا ئاغرىش، مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىقلار.

نېرۋىسى بۇزۇلماق

  • نېرۋىسى بۇزۇلماق[يەشمىسى:] ئالجىپ، ئېلىشىپ قالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ نېرۋىسى بۇزۇلغان بولۇشى كېرەك.

نېرۋىسى جايىدا

  • نېرۋىسى جايىدا[يەشمىسى:] ئەقلىدىن ئازمىغان، ئەس-ھوشىنى يوقاتمىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى، نېرۋىسى جايىدا.

نېرۋانا

  • نېرۋانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان، ھېچقانداق بىر قۇدرەتكە بېقىنمايدىغان بىر خىل ھۆرىيەت دۇنياسى دېگەن مەنىدە. بۇددا: كىشىلەر بىلىمسىزلىك — قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلغاندا، دۇنيانىڭ ھەققىي خاراكتېرى ئېچىلىدۇ: ھاياتلىقتىن، تەكرارلىنىشتىن يەنى سانسارادىن ئازاد بولۇپ، نېرۋاناغا يەتكىلى بولىدۇ، دەپ تەرغىپ قىلىدۇ.

نېرۋىلىق

  • نېرۋىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېرۋىسى بار، نېرۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] نېرۋىلىق قەۋەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نېرۋا ئارقىلىق، نېرۋا بىلەن:[مىسال:] نېرۋىلىق تەڭشىلىش. نېرۋىلىق ئوزۇقلىنىش.

نېرى

  • نېرى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان كىشىدىن ياكى سۆز بولۇۋاتقان ئورۇن-جايدىن يىراق:[مىسال:] ئون نەچچە قەدەم نېرىدا بىر ئاتلىق كۆرۈندى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېلىپ قالغان قىسمى (Ⅲشەخس ئىگىلىك قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەندە):[مىسال:] گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە نېرىسىنى ئاڭلىغۇسى كەلمىدى.

نېرى تۇر، بېرى تۇر دېمەك

  • نېرى تۇر، بېرى تۇر دېمەك[يەشمىسى:] ئورۇنسىز بۇيرۇق بەرمەك، ئۆزى بىلگەنچە يېتەكچىلىك قىلماق:[مىسال:] ئۇنداق نېرى تۇر، بېرى تۇر دەۋەرسە، كىم چىدايدۇ

نېرى-بېرى

  • نېرى-بېرى[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنىڭ سەۋەبى، تېگى-تەكتى، ئالدى-كەينى:[مىسال:] مەن ئىشنىڭ نېرى-بېرىسىنى بىلمىدىم.[يەشمىسى:] ② ئوشۇق-تۆشۈك، ئېگىز-پەس گەپ:[مىسال:] يىگىتمۇ نېرى-بېرى دېمەيلا قوينى يېتىلەپ مېڭىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ مۇنداقلا، بىرقۇر، ئادەتتىكىچە:[مىسال:] ئۇ بۈدۈر چاچلىرىنى نېرى-بېرى تۈزەشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن تاغدىن-باغدىن:[مىسال:] بىر كۈنى ياتىقىڭغا بارسام يالغۇز ئىكەنسەن، نېرى-بېرى پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.[يەشمىسى:] ⑤ ئالدىراپ-تېنەپ، ھاپىلا-شاپىلا، چالا-بۇلا:[مىسال:] ئالماس ئۇنىڭسىزمۇ ئالدىراپ تۇراتتى، داستىخاننى نېرى-بېرى يىغىشتۇردى-دە، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ⑥ ئارتۇقچە، ئوشۇق-تۆشۈك:[مىسال:] ئاكا، سىز ھازىر خېلى ياخشى تۇرۇۋاتىسىز، نېرى-بېرى ئىشنى يادىڭىزغا كەلتۈرمەڭ.

نېرىن

  • نېرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىسقا كېسىلگەن ئۈگرىنى شورپىدا پىشۇرغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغرالغان گۆش ياكى قېزا ۋە پىياز ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدىغان تاماق.

نېرىنچى

  • نېرىنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نېرىن ئېتىدىغان ئاشپەز: نېرىنچى بىر چىنە نېرىننى مېھماننىڭ ئالدىغا قويدى.

نېزىقىغاق

  • نېزىقىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەك نېزىقايدىغان:[مىسال:] نېزىقىغاق ئادەم.

نېزىقىماق

  • نېزىقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا نارازى ئىكەنلىكىنى قېيىداش ياكى نارازى بولۇش بىلەن ئىپادىلىمەك:[مىسال:] قىز يىگىتنى كۆرۈپلا نېزىقاپ، بۇ نېمىدى، نى-نى يىگىتلەرنى كۆرگەنمەن دەپ ئويلاپتۇ.

نېسى

  • نېسى[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇلنى نەق بەرمەي كېيىن تۆلەش شەرتى بىلەن بولىدىغان بىر خىل سودا ئۇسۇلى:[مىسال:] نېسىگە ئالماق. نېسىگە ساتماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇلى دەرھال، نەق بېرىلمەيدىغان:[مىسال:] نېسى سودا. نېسى مال. *نېسى يېمەڭ گۆشنى، يېرىپ چىقىدۇ تۆشنى (ماقال).

نېسىدىن تەلىيىم يوق

  • نېسىدىن تەلىيىم يوق[يەشمىسى:] نېسى قىلمايمەن، نەق ساتىمەن:[مىسال:] ئەزەلدىن نېسىدىن تەلىيىم يوق، 30 تەڭگىنى بىر-بىردىن ساناپ ئالىمەن.

نېسىپ

  • نېسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەقدىر تەرىپىدىن كىشىگە بۇيرۇلغان ھەسسە، ئۈلۈش؛ مۇمكىنچىلىك:[مىسال:] مەندە ئۇزۇندىن بۇيان بىر كۆرۈشسەم دەيدىغان ئارزۇ بار ئىدى، مانا بۈگۈن نېسىپ بوپتۇ.

نېسىۋە

  • نېسىۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەسسىسى، ئۈلۈشى؛ رىزقى:[مىسال:] ھەركىمگە ئۆز نېسىۋىسىنى بۆلۈپ بېرىپلا بولدى قىلىش كېرەك.

نېفېلىن

  • نېفېلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. ئالتە ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كرىستاللىرى قىسقا تۈۋرۈكسىمان، قۇراشمىسى كۆپىنچە دانىچە ياكى سىپتا كاللەكسىمان بولىدۇ. رەڭسىز ياكى ئاق، بەزىدە ئاچ سېرىق، ئاچ قوڭۇر بولىدۇ. ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە. سۇنۇق يۈزى ماي پارقىراقلىقىغا ئىگە. ئۇلاردىن رەڭگى ئاچ، تۇتۇق، ماي پارقىراقلىقى كۆرۈنەرلىك بولغانلىرى ئەلېئولىت دېيىلىدۇ. قاتتىقلىقى 5 — 6، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 6.2.

نېفىت

  • نېفىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۇيۇق مىنېرال، يەنى ھەر خىل ھىدروكاربون بىرىكمىلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى. يانىدۇ، ئادەتتە قوڭۇر رەڭلىك، تۇتۇق يېشىل رەڭلىك ياكى قارا رەڭلىك بولىدۇ، تاش قاتلىمىدىكى بوشلۇقلارغا سىڭگەن بولىدۇ، دىستېللەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭدىن بېنزىن، كىرسىن، دىزېل، سىلىقلاتقۇچى ماي، موم ۋە ئاسفالت (قارا ماي)قاتارلىقلار ئاجرىتىپ ئېلىنىدۇ.

نېفىت گازى

  • نېفىت گازى[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قېزىۋېلىنغان نېفىت ياكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىدا نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان گازلار. مۇھىم تەركىبى ھىدرو كاربون بىرىكمىلىرى بىلەن ھىدروگېن. ئادەتتە ئۇ خىمىيە سانائىتىنىڭ خام ئەشياسى ۋە يېقىلغۇ قىلىنىدۇ.

نېفىتلىك

  • نېفىتلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە نېفىت بار، نېفىتكە ئىگە:[مىسال:] نېفىتلىك قۇم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] نېفىت ئېلىشقا بولىدىغان كەڭ مەيدان، نېفىت قاتلىمى تارالغان بەلۋاغ.

نېكروز

  • نېكروز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئادەتتە ئايرىم ھۈجەيرە، بىر قىسىم ھۈجەيرىلەرنىڭ ياكى كىچىك بىر پارچە توقۇلمىنىڭ ئۆلۈشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

نېكروزلانماق

  • نېكروزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆلمەك، كېرەكتىن چىقماق (ھۈجەيرە ياكى توقۇلمىلار ھەققىدە).

نېگاتىپ

  • نېگاتىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① ئاق ئورنىغا قارا، قارا ئورنىغا ئاق بولۇپ چۈشكەن فوتو تەسۋىر ۋە شۇنداق تەسۋىر چۈشۈرۈلگەن پلاستىنكا ياكى پىليونكا.[يەشمىسى:] ② تېخى ئىشلىتىلمىگەن فوتو سۈرەت لېنتىسى.

نېگىر

  • نېگىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئافرىقىنىڭ تۈپ ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قارا تەنلىك خەلق، ھەبەش.

نېگىر-ئاۋسترالىيە ئىرقى

  • نېگىر-ئاۋسترالىيە ئىرقى[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىرقنىڭ بىرى. بۇ ئىرقتىكىلەرنىڭ تېرىسى قارا، كالپۇكى توم، بۇرنى كەڭ ھەم ياپىلاق، چېچى بۈدۈر كېلىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئافرىقا، ئاۋسترالىيە ھەم جەنۇبىي سۇبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارقالغان.

نېگىز

  • نېگىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئاستىنقى قىسمى. ئۇلى:[مىسال:] بىنانىڭ نېگىزى پۈتتى، ئەمدى ئۈستىگە ئىشلىسەكلا بولدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى جۈملىدىن سۆز، پىكىر قاتارلىقلارنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئاساس؛ تۈپ يىلتىز، ماھىيەت:[مىسال:] مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن نېگىزىدىن مۇھاكىمە قىلىش لازىم.

نېگىزلىك

  • نېگىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان تۈپ، ئاساسلىق:[مىسال:] نېگىزلىك زىددىيەت.

نېلۇپەر

  • نېلۇپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] نىلۇپەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تېيىز سۇلاردا ئۆسىدۇ، يەر ئاستى غولى يوغان ھەم ئۇزۇن، بوغۇمى بار. يوپۇرمىقى دۈگىلەك، گۈلى چوڭ، سۇس قىزىل ياكى ئاق رەڭلىك، خۇشبۇي پۇرىقى بار، يەر ئاستى غولىنى ۋە ئۇرۇقىنى يېيىشكە بولىدۇ.

نېمانچە

  • نېمانچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]نېمە+ئانچە[[يەشمىسى:] نېمىشقا شۇنچە نېمىدېگەن:[مىسال:] نېمانچە بەڭۋاش بالا، دېدى ئۇ سەل خاپا بولغاندەك قىلىپ.

نېمانداق

  • نېمانداق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]نېمە+ئانداق[[يەشمىسى:] نېمىشقا ئانداق، نېمانچە:[مىسال:] نېمانداق تۈگىمەيدىغان سەيسە بۇ، مەن سەيسىدىن ھازىرلا كەلدىمغۇ، دېدى ھارۋىكەش.

نېمە

  • نېمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] مەلۇم شەيئى، ۋەقە-ھادىسە قاتارلىقلار ھەققىدىكى سوراقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] نېمە گەپ نېمە ئىش * ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نېمە قىلار(ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بەلگە، سۈپەت، خۇسۇسىيەت ۋە ھالەت قاتارلىقلار ھەققىدىكى جۈملىلەردە «قانداق»دېگەن سوراق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ نېمە كىتاب * مەن نېمە گۇناھ قىلدىم[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوئال جۈملە تەركىبىدە قانداق ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى سوراش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ كىشى سىزنىڭ نېمىڭىز[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سوئال جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ سوئالنى تەكىتلەيدۇ:[مىسال:] نېمەسىز ئوقۇماقچىمۇ * نېمەتاشۋاي كېتىمەن دەمدۇ[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] رىتورىك سوئاللىق جۈملىدە ئىنكار مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆز ئەھلىلىرى تۇرغان يەردە ساڭا نېمە قويۇپتۇ[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:]ئالماش.[يەشمىسى:] ئىسىمنىڭⅢشەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى «سى»بىلەن تۈرلىنىپ، جۈملىدە ئىسىم رولىدا كېلىپ ھەيرانلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەجەب ئىش-ھە، كېلىدىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ تويغا كەتكىنى نېمىسى[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بەزى جۈملىلەردە ئىسىمغا ئالمىشىپ كېلىپ، كەمسىتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۈگۈن ۋايىت دېگەن بۇ بىرنېمە، بىزنىڭ ئارقىمىزغا كىرىۋالدى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «مۇ»يۈكلىمىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، شۇ جۈملىدە ئاڭلىنىلغان گۇماننى، قىياسنى كۈچەيتىدۇ:[مىسال:] مەن پەرىدەنى ئاتتىن يىقىلىپ بىرنەرسە بولۇپ قالدىمۇ-نېمە دەپ دەرھال ئات بىلەن ئۇنى ئىزلەپ يولغا چىقتىم.

نېمە قىلاي

  • نېمە قىلاي[يەشمىسى:] ① قانداق قىلىپ بەرسەم بولىدۇ، قانداق قىلاي:[مىسال:] ئەمدى بۇندىن باشقا نېمە قىلاي ساڭا.[يەشمىسى:] ② كېرەك ئەمەس، ھاجەتسىز، لازىمى يوق:[مىسال:] بۇ نەرسىدىن ئازراق ئېلىۋىلىڭ، نېمە قىلاي ئۆيدە كۆپ ئۇ.

نېمە ئۈچۈن

  • نېمە ئۈچۈن[يەشمىسى:] نېمە سەۋەبتىن، نېمىشقا:[مىسال:] ئۇ ئەسلىدە ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى، نېمە ئۈچۈن يېقىندىن بېرى مۇشۇنداق بولۇپ قالدى

نېمىسىنى دەيسەن

  • نېمىسىنى دەيسەن[يەشمىسى:] دېگۈچىلىكى يوق، ئېيتقۇچىلىكى يوق، تىلغا ئالغۇسىز:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، نېمىسىنى دەيسەن، يەنىلاشۇ كونا گەپ.

نېمىسىنى ئېيتىسەن

  • نېمىسىنى ئېيتىسەن[يەشمىسى:] «نېمىسىنى دەيسەن»گە قاراڭ.

نېمەت

  • نېمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇق-تۈلۈك:[مىسال:] ناماز دىگەر ۋاقتىدا، تۇڭچىنىڭ ئۆيىگە بىر ھارۋىدا ئاشلىق، قوي، توخۇ، قوغۇن، تاۋۇز، ئۈزۈم قاتارلىق نېمەتلەر كەلدى.[يەشمىسى:] ② ياخشى ئىش، ياخشىلىق:[مىسال:] نېمەتلىرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، دېدىم مېڭىشقا تەمشىلىپ.

نېمەتلىك

  • نېمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېمىتى بار، نېمەتكە تولغان:[مىسال:] نېمەتلىك داستىخان.

نېمىدەپ

  • نېمىدەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]نېمە+دە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نېمە سەۋەبتىن، نېمە ئۈچۈن، نېمىگە ئاساسەن، قانداق مەقسەت بىلەن:[مىسال:] بۇ كىتابنى نېمىدەپ ساڭا بەرگۈدەكمەن[يەشمىسى:] ② قانداق سۆزلەر بىلەن، قانداق سۆزلەرنى قىلىپ:[مىسال:] مەن ئۇنىڭغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم.

نېمىدۇر

  • نېمىدۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] نېمىلىكىنى ئېيتىپ بەرگىلى بولمايدىغان، نامەلۇم:[مىسال:] گۈلشاتنىڭ نېمىدۇر بىرنەرسىسىنى بىللە ئېلىپ كەتكەنىدى.

نېمىدېگەن

  • نېمىدېگەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]نېمە+دە+گەن[[يەشمىسى:] سۈپەت ياكى پېئىللارنىڭ ئالدىدا ئۈندەشلىك كۈچەيتمە رولىدا كېلىپ «ئاجايىپ نېمانداق، نەقەدەر»دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ:[مىسال:] سىز نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم-ھە

نېمىس

  • نېمىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار گېرمانىيىنىڭ تۈپ ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلق بولۇپ، يەنە بىر قىسمى ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوكيانىيە، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان.

نېمىسچە

  • نېمىسچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گېرمانىيىگە، نېمىس خەلقىگە، ئۇنىڭ تىل-يېزىقى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نېمىس تىلى:[مىسال:] ئۇ نېمىسچىنى سۇدەك سۆزلەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نېمىس تىلىنى ئىشلىتىپ، نېمىس تىلى بىلەن:[مىسال:] ئۇلار نېمىسچە ئەھۋال سوراشتى.

نېمىشقا

  • نېمىشقا[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]نېمە+ئىش+قا[[يەشمىسى:] نېمە ئۈچۈن، نېمە سەۋەپتىن:[مىسال:] ئۇ يەرگە نېمىشقا كېلىپتۇ

نېمىشقا دېسەڭ

  • نېمىشقا دېسەڭ[يەشمىسى:] نېمە ئۈچۈنلىكىنى، سەۋەبىنى بىلمەكچى بولساڭ:[مىسال:] نېمىشقا دېسەڭ، بىزمۇ يېقىندا مۇشۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىمىز.

نېمىشقىدۇر

  • نېمىشقىدۇر[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[قۇرۇلمىسى:]]نېمە+ئىش+قا+دۇر[[يەشمىسى:] جۈملىدە ئىپادىلىنىۋاتقان مەقسەتنىڭ سەۋەبىگە بولغان گۇماننى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئۇ ئىتتىك كېلىۋېتىپ، نېمىشقىدۇر بىردىنلا توختاپ قالدى.

نېمىكى

  • نېمىكى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① ھەرقانداق نەرسە، قانداقلىكى نەرسە:[مىسال:] باھارخان نېمىكى تاپسا، ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆزى چەتتە قاراپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ھەرقانداق، قانداقلىكى:[مىسال:] بۇ ساندۇقنى ئۆگەيئاچاڭ بار يەردە ئاچمايلى، نېمىكى دۇنيا چىقسا ئۆزىمىزنىڭ بولسۇن.

نېمىگە

  • نېمىگە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ① نېمە ئۈچۈن، نېمە ئىشقا:[مىسال:] سەن نېمىگە بۇنچىۋالا سۆزلەپ كېتىسەن دېدى ئۇ ئالىمىدىن رەنجىپ.[يەشمىسى:] ② قانداق نەرسىگە، نېمەنەرسىگە:[مىسال:] ئۇنداقتا بۇ قوينى نېمىگە ئالماشتۇرالا دېدى ھېلىقى كىشى مۇلايىملىق بىلەن.

نېمىگىدۇر

  • نېمىگىدۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] نېمىشقىدۇر:[مىسال:] ئۇ نېمىگىدۇر بۈگۈن كېلەلمىدى.

نېمىنىدۇر

  • نېمىنىدۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] جۈملىدە ئېيتىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ئېنىق ئەمەس، نامەلۇملۇقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ، قاراڭغۇدا نېمىنىدۇر بىرنەرسىنى قولغا ئالدى.

نېئودىمىي

  • نېئودىمىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. سەل سېرىق رەڭلىك، ھاۋادا ئوڭايلا ئوكسىدلىنىدۇ، سۇنى پارچىلايدۇ. قېتىشما ئىشلەشتە پايدىلىنىلىدۇ.

نېئورگانىك

  • نېئورگانىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانات ئالىمىگە مەنسۈپ بولمىغان.[يەشمىسى:] ② تەركىبىدە كاربونات كىسلاتا تۇزلىرى ۋە كاربون ئوكسىدلىرىدىن باشقا ھېچقانداق كاربون ئاتوملىرى بولمىغان؛ كاربوننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، ئانئورگانىك:[مىسال:] نېئورگانىك بىرىكمە. نېئورگانىك خىمىيە. نېئورگانىك ئوغۇتلار.

نېئورگانىك خىمىيە

  • نېئورگانىك خىمىيە[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] خىمىيىنىڭ بىر تارمىقى.كاربوندىن باشقا ئېلېمېنتلار ۋە ئۇلارنىڭ بىرىكمىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، خاراكتېرى، ئۆزگىرىشى، تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلارنى ھەمدە كاربوننىڭ ئاددىي بىرىكمىلىرىنى (يەنى كاربونات كىسلاتا تۇزلىرى ھەم كاربون ئوكسىدلىرىنى) تەتقىق قىلىدۇ.

نېئون

  • نېئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گاز ئېلېمېنت. رەڭسىز ھەم پۇراقسىز. ھاۋادىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئېلېكترودلار نېئون گازىدا زەرەت قويۇپ بەرگەندە قىزىل رەڭلىك نۇر تارقىلىدۇ، نېئون چىرىغى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە «نېئون گازى» دەپ ئاتىلىدۇ.

نېئونلۇق

  • نېئونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نېئون گازى بار، نېئون گازى تولدۇرۇلغان:[مىسال:] نېئونلۇق لامپا.

نېئونلۇق لامپا

  • نېئونلۇق لامپا[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ۋاكۇئوم نەيچىنىڭ ئىچىگە نېئون گازى قاچىلىنىپ ياسالغان لامپا توك ئۆتكەندە قىزىل رەڭلىك يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. يورۇقلۇق دەرىجىسى توك بېسىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ، نۇرى تۇماننى يېرىپ ئۆتەلەيدۇ، كۆپرەك بەلگە چىرىغىغا ئىشلىتىلىدۇ.

نېۋرىن

  • نېۋرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئۆتكۈر زەھەرلىك، شىرنىسىمان سۇيۇقلۇق. سۇ ياكى ئىسپىرتتا ئېرىيدۇ.مېڭە توقۇلمىسى، ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە جەسەتتىكى خولېنلارنىڭ چىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.

نېيترال

  • نېيترال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھەم كىسلاتالىق، ھەم ئاساسلىق خۇسۇسىيەت كۆرسەتمەيدىغان:[مىسال:] نېيترال تۇز.

نېيتراللاشتۇرماق

  • نېيتراللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «نېيتراللاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نېيتراللاشماق

  • نېيتراللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نېيترال ھالەتكە كەلمەك، نېيترال بولماق.

نېيتراللانماق

  • نېيتراللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئوخشاش ئېكۋىۋالېنتلىق كىسلاتا بىلەن ئاساس تەسىرلىشىپ تۇز بىلەن سۇ ھاسىل قىلىش ئارقىلىق كىسلاتالىق ۋە ئاساسلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقاتماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] توكسىن ئانتىتوكسىن ياكى زەھەرگە قارشى قان زەردابى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ باشقا ماددىلارنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتىنى يوقاتماق.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىملارنىڭ مۇسبەت قۇتۇپىدىكى زەرەت مىقدارى بىلەن مەنپىي قۇتۇپىدىكى زەرەت مىقدارى تەڭلىشىپ، زەرەتسىز ھالەتنى ئىپادىلىمەك.

نېيترون

  • نېيترون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتوم يادروسىنى ھاسىل قىلغۇچى ئاساسىي زەرىچىلەرنىڭ بىرى. ماسسىسى تەخمىنەن پروتوننىڭكى بىلەن تەڭ. نېيترون زەرەتسىز بولىدۇ. شۇڭا ئاتوم يادروسىدىن پارچىلىنىپ چىققان نېيترون ئاتوم يادروسىغا ئوڭايلا كىرەلەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئاتوم يادروسىغا زەربە بېرىپ يادرو رېئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ.

نېيترىنو

  • نېيترىنو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاساسىي زەررىچىنىڭ بىر خىلى. ئادەتتە V بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. زەرەتسىز، تۇراقلىق، نەزەرىيە بويىچە ئېيتقاندا، تىنچ ھالەتتىكى ماسسىسى نۆل بولۇشى كېرەك.

نى

  • نى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۇرغۇن، كۆپ، ئاجايىپ:[مىسال:] شىڭ شىسەي دېگەن جاللات شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 11 يىل جەريانىدا ياخشى ئادەملەرنى، نى بىلىملىك زىيالىيلارنى يەپكەتتى.

نى ئات، نى نومۇس

  • نى ئات، نى نومۇس[يەشمىسى:] باش كۆتۈرگۈسىز، ئېغىر دەرىجىدىكى نومۇس:[مىسال:] ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بۇ ئىش بۇزۇلسا، زورىخانغا نى ئات، نى نومۇس.

نىپاق

  • نىپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىتتىپاقسىزلىق، بۆلگۈنچىلىك:[مىسال:] شاخلىسۇن، يىلتىزلىسۇن، خەلقىمدە بىرلىك، ئىتتىپاق، ھەممە ئادەم كۆڭلىدە ۋەتەنگە بولسۇن ئىشتىياق، كىرمىسۇن دۈشمەن ئاراغا، بولمىسۇن دىلدا نىپاق.

نىتراتلار

  • نىتراتلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] نىترات كىسلاتاسىنىڭ مېتاللار بىلەن ھاسىل قىلغان تۇزلىرى. نىتراتلارنىڭ كۆپچىلىكى سۇدا ياخشى ئېرىيدۇ، كۆپىنچە ئوغۇت قىلىنىدۇ، پارتلىغۇچى ماددىلارنى ئىشلەشتىمۇ قوللىنىلىدۇ.

نىتراتلىماق

  • نىتراتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئامياك تەركىبىدىكى ئازوتنى ئوكسىدلاپ، نىترات كىسلاتا تۈزى بىلەن نىترات كىسلاتاسىغا ياكى نىترات كىسلاتا تۇزىغا ئايلاندۇرماق؛ نىترات ھاسىل قىلماق.

نىترو

  • نىترو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] نىترات كىسلاتا مولېكۇلىسى بىر گىدروكسىل (- OH) گۇرۇپپىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان رادىكال.

نىتروسېلليۇلوزا

  • نىتروسېلليۇلوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سېرىق رەڭلىك شەكىلسىز قاتتىق ماددا. پاختا ياكى ياغاچ بوتقىسى قاتارلىقلارنى قويۇق نىترات كىسلاتاسى ۋە قويۇق سۇلفات كىسلاتاسى بىلەن ئۆز ئارا تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. تۈتۈنسىز پوروخ، سۇلياۋ قاتارلىقلارنى ئىشلەشتە قوللىنىلىدۇ.

نىتروگلىتسېرىن

  • نىتروگلىتسېرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C3H5(NO3)3. ئاق رەڭلىك ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇق. زەھەرلىك، كۈچلۈك پارتلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. پارتلىغۇچى دورا ئىشلەشتە قوللىنىدۇ ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىنى كېڭەيتكۈچى دورا قىلىنىدۇ.

نىتروگېن

  • نىتروگېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «ئازوت»قا قاراڭ.

نىترولاشماق

  • نىترولاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] نىترات كىسلاتاسى ياكى نىترات كىسلاتاسى بىلەن سۇلفات كىسلاتاسىنىڭ ئارىلاشمىسى مەلۇم ئورگانىك بىرىكمە بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ، تەركىبىدە نىترو گۇرۇپپا (-N O2) بولغان بىرىكمە ھاسىل قىلماق. مەسىلەن، مېتىل بېنزولنىڭ نىترولىشىپ ئۈچ نىترو مېتىل بېنزول ھاسىل قىلغىنىغا ئوخشاش.

نىجات

  • نىجات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خالاس بولۇش، قۇتۇلۇش:[مىسال:] شاھ ھۈسەننى بۇ ئازابتىن قىل نىجات. دەرگاھىغا ئېيتار بولدۇم مۇناجات.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نىجاتكار

  • نىجاتكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] قۇتقۇزغۇچى، ئازاد قىلغۇچى، خالاس قىلغۇچى غەمگۇزار:[مىسال:] يېتىملەرنىڭ نىجاتكارى بولۇپ قال، كۆزى نۇرلۇق تۈن يۇلتۇزى جەمىلە.

نىجاتلىق

  • نىجاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئازادلىق، قىيىنلىقتىن قۇتۇلۇش:[مىسال:] نىجاتلىققا ئېرىشمەك. نىجاتلىق تاپماق. * ئۇ ئاباقتىن نىجاتلىق تىلىدى.

نىجاسەت

  • نىجاسەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تېزەك، پوق، گەندە، پاسكىنا، ئىپلاس، ھارام نەرسە:[مىسال:] ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرى نىجاسەتتىنمۇ پاسكىنا.

نىجىس

  • نىجىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىپلاس، رەزىل؛ ۋەھشىي:[مىسال:] بۇ ئۇرۇش نىجىس ئەبلەخلەرنىڭ جاجىسىنى بېرىدىغان ئۇرۇشلا بولىدىكەن، مەن ئۇنىڭدىن قورقمايمەن.

نىجىم

  • نىجىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى لېنتا شەكىللىك، گىرۋەكلىرى ئادەتتە ئىچىگە ئېگىلگەن بولىدۇ. گۈلى باشاقسىمان گۈل رېتىدە. قۇرغاق ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ. سۈپەتلىك چارۋىچىلىق ئوت-چۆپى ۋە سۇ، تۇپراقنى ساقلىغۇچى ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ.

نىخ

  • نىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىنچىكە، ئۇزۇن نەرسىلەرنىڭ ھەربىر قېتى، تېلى (چاچ، يىپ، ئارغامچا قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] يىپنىڭ بىر نىخى. نىخ قاتماق.

نىخلىق

  • نىخلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىخى بار، نىخى بولغان:[مىسال:] ئۈچ نىخلىق يىپ. ئىككى نىخلىق ئارغامچا.

نىدا

  • نىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم ھېس-تۇيغۇنى بىلدۈرىدىغان ئاۋاز، تاۋۇش:[مىسال:] نىدا قىلماق. * بىردەمنىڭ ئىچىدە خەلق توپى كۆپىيىپ، غەزەپلىك نىدالار ياڭراشقا باشلىدى.

نىزا

  • نىزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كېلىشەلمەسلىك، دۈشمەنلىشىش؛ ئاداۋەت، نارازىلىق:[مىسال:] نىزا تېرىماق. نىزا سالماق. * ئىدىقۇت بىز بىلەن ھەمكارلىقتا بىللە ئۆتۈشكە، ئۆزئارا نىزا قىلىشماسلىققا سۆز بەردى.

نىزالاشتۇرماق

  • نىزالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «نىزالاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نىزالاشماق

  • نىزالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆچلەشمەك، ئاداۋەتلەشمەك، دۈشمەنلەشمەك؛ جاڭجاللاشماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ نىزالىشىپ يۈرگىنىگە ئۇزۇن بولدى.

نىزام

  • نىزام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم مەسىلىلەر ھەققىدىكى قائىدە-تۈزۈم، تەرتىپ:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار نىزامىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاراق ئىچىشى مەنئى قىلىنغان.[يەشمىسى:] ② قانۇن:[مىسال:] بۇ مەملىكەتنىڭ نىزامىدا، پادىشاھ ئۆلسە ئورنىغا ئوغلى پادىشاھ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنىكەن.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نىزامچى

  • نىزامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قائىدە-نىزام تۈزگۈچى:[مىسال:] ئېنگلىس ئاساسىي نىزامچىلارنى «يېقىنقى زاماندىكى تۇنجى ئىشچىلار پارتىيىسى»دەپ ئاتىغانىدى.

نىزامچىلىق

  • نىزامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىزام تۈزۈش ئىشى:[مىسال:] ئاساسىي نىزامچىلىق ھەرىكىتىدە ئۈچ قېتىم دولقۇن كۆتۈرۈلدى.

نىزامسىز

  • نىزامسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قائىدە-نىزامنى بىلمەيدىغان؛قائىدە نىزامغا چۈشمەيدىغان:[مىسال:] قائىدە-نىزامسز ئىش قىلسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.

نىزامسىزلىق

  • نىزامسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانۇنسىزلىق؛ قائىدە-قانۇنغا ماس كەلمەسلىك.

نىزاملىق

  • نىزاملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىزامى بار، بېكىتكەن:[مىسال:] بۇ ئىشلار قائىدىلىك، نىزاملىق ئىشلار.

نىزامنامە

  • نىزامنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ساھە ياكى بىرەر مەسىلە بويىچە بېجىرىش ۋە رىئايە قىلىش لازىم بولغان قائىدە-تۈزۈم، بەلگىلىمە:[يەشمىسى:] ئوقۇغۇچىلار نىزامنامىسى. ئىشچىلار نىزامنامىسى.

نىسبەت

  • نىسبەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن چوڭ-كىچىكلىكى، ئاز كۆپلۈكى ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] قارىمۇقارشى كۈچلەر نىسبىتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئوخشاش تۈردىكى ئىككى مىقدارنى سېلىشتۇرۇشتىكى ھەسسىلىك مۇناسىۋەت. بۇنىڭدا بىر سان ئىككىنچى بىر ساننىڭ بىرقانچە ھەسسىسى ياكى بىرنەچچە ئۈلۈشىگە باراۋەر بولىدۇ.

نىسبەتەن

  • نىسبەتەن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۆنىلىش كېلىش بىلەن كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ «قارىتا، قارىغاندا، سېلىشتۇرغاندا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھېكىم نۇرغا نىسبەتەن ھازىرچە بىز، سەگەك پوزىتسىيىدە بولۇشىمىز لازىم.

نىسبەتلەشتۈرمەك

  • نىسبەتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «نىسبەتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەۋكەت قوغۇشۇن، بابىت، قاتارلىقلارنى نىسبەتلەشتۈرۈپ تەڭشەش تېخنىكىسىنىمۇ ئىگىلىۋالدى.

نىسبەتلەشمەك

  • نىسبەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ يەنە بىرنەرسىگە نىسبەتەن چوڭ-كىچىك ياكى ئاز-كۆپلۈكى سېلىشتۇرۇلماق.

نىسبەتلىك

  • نىسبەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىسبىتى بار، نىسبىتى بولغان:[مىسال:] دارامەتكە قاراپ ئېشىپ بارىدىغان يۇقىرى نىسبەتلىك باجنى يولغا قويۇش لازىم.

نىسبىي

  • نىسبىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلىرىغا قىياسەن ئېلىنغان ياكى ئېلىنىدىغان، بەلگىلىنىدىغان، قىياسەن، سېلىشتۇرما:[مىسال:] نىسبىي نەملىك. نىسبىي ئېگىزلىك. نىسبىي قوشۇمچە قىممەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بەلگىلىك شارائىت، مۇھىتقا تايىنىش ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئۇلارغا باغلىق رەۋشتە ئۆزگىرىدىغان؛ شەرتلىك:[مىسال:] نىسبىي ھەقىقەت. نىسبىي چۈشەنچە.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] بەلگىلىك مۇناسىۋەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان:[مىسال:] نىسبىي سۈپەت.

نىسبىي ھەقىقەت

  • نىسبىي ھەقىقەت[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ھەقىقەتنىڭ نىسبىيلىكى، يەنى ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈش دەرىجىسىنىڭ ھامان تارىخىي شارائىت چەكلىمىسگە ئۇچرايدىغانلىقى نۇقتىسىدىن ئىپادىلەنگەن نىسبىي مەنىسى:

نىسبىيچىلىك

  • نىسبىيچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئىدېئالىزملىق تەلىمات. ئۇ پەقەت ئىنسانلار بىلىشنىڭ نىسبىيلىكىنىلا ئېتىراپ قىلىپ، نىسبىي بىلىشنىڭ مۇتلەق تەركىبلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. نەتىجىدە ئوبيېكتىپ ھەقىقەتنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ.

نىسبىيلىك

  • نىسبىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نىسبىي بولغان ھالەت، نىسبىي بولۇش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] دىئالېكتىكىدىكى بىر كاتېگورىيە، يەنى شەيئى خاراكتېرىنىڭ شەرتلىك، چەكلىك ۋە ئۆزگەرگۈچى تەرىپى.

نىسبىيلىك نەزەرىيىسى

  • نىسبىيلىك نەزەرىيىسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىدىن بىرى، يەنى زامان بىلەن ماكاننىڭ نىسبىي مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان فىزىكىلىق تەلىمات. ئاساسچىسى ئېينىشتېيىن (Albert Einstein) . ئۇ «تار مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيىسى»ۋە «كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيىسى» دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ.

نىسپ

  • نىسپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېرىم:[مىسال:] تۈن نىسپى.

نىسپىي

  • نىسپىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېرىم.

نىسپىيشەپ

  • نىسپىيشەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نىسپىي+شەپ[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يېرىم كېچە، تۈن نىسپى:[مىسال:] نىسپىيشەپ بولغان چاغدا ئاغىنەم ھىدايەتنى باشلاپ گۇچۇڭدا جەڭ قىلىپ تۇرغان تۇرپان-قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى قىسملىرىغا قاتناشتىم.

نىسپىيلىك

  • نىسپىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېرىملىق، يېرىم بولۇش.

نىشاپ

  • نىشاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆگزىدە يامغۇر سۈيى توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن قىلىنغان يانتۇلۇق.

نىشالا

  • نىشالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇخۇمنىڭ ئېقىنى شېكەر قىيامىغا ئارىلاشۇرۇپ تەييارلايدىغان يېمەكلىك.

نىشالىچى

  • نىشالىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىشالا ئەتكۈچى كىشى.

نىشان

  • نىشان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تەبىئىي ياكى مەقسەتلىك قويۇلغان بەلگە؛ ئالامەت؛ قارا:[مىسال:] نىشان قويماق. نىشان قىلماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىدىن قالغان ئىز، بەلگە؛ دېرەك؛ سىمۋول:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچقانداق نىشان قالمىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ھەرىكەت قارىتىلغان نۇقتا ياكى يەتمەكچى بولغان مەقسەت، مەنزىل؛ غايە؛ يۆنىلىش:[مىسال:] نىشان كۆرسەتمەك. نىشاندىن ئاداشماق.[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نىشانە

  • نىشانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بەلگە، ئالامەت، شەپە:[مىسال:] بۇ ئۇنىڭ كۆلچەككە سەكرەشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن خىجىل بولغانلىقىنىڭ نىشانىسىمۇ، بۇنى بىلىپ بولمايتتى.

نىشانداش

  • نىشانداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر نىشاندىكى، نىشانى ئوخشاش بولغان:[مىسال:] پەس ھەۋەس — ئالىيجانابلىق ئوت بىلەن سۇدۇر گويا، بولمىغانغا بۇ ئىككىيلەن بىر نىشانداش، يىغلىما.

نىشانسىز

  • نىشانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىشانى يوق، نىشانى بولمىغان:[مىسال:] ئۇ كۈز شامىلى ئۇچۇرۇپ يۈرگەن قۇرۇق يوپۇرماقتەك نىشانسىز كېتىۋاتاتتى.

نىشانسىزلىق

  • نىشانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىشانى، كۆزلىگەن مەقىسىتى يۇقلۇق، مەقسەت-مۇددىئاسىزلىق.

نىشانلاشماق

  • نىشانلاشماق[يەشمىسى:] «نىشانلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نىشانلانماق

  • نىشانلانماق[يەشمىسى:] «نىشانلىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تاڭ ئاتقۇچە نىشانلانغان ئورۇنلار ئېلىنىپ بولۇشى كېرەك.

نىشانلىق

  • نىشانلىق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نىشان قىلغان ھالدا، نىشان قىلىپ تۇرۇپ:[مىسال:] نىشانلىق ئوق ئاتماق. نىشانلىق تەربىيىلەش. نىشانلىق تاللاش.

نىشانلىماق

  • نىشانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نىشانغا ئالماق؛ نىشان قىلماق:[مىسال:] قارىنى نىشانلاپ ئاتماق. * ئۆينى نىشانلاپ ماڭماق.

نىقاب

  • نىقاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆزىنى تونۇتماسلىق ياكى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يۈزگە تۇتۇلىدىغان، كىيىلىدىغان نەرسە:[مىسال:] تاشۋاي ئاستا جۈمەنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە يۈزىدىكى نىقابنى چۆرۈپ تاشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەقىقىي ھال-ئەھۋال، قىياپەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنى پەردازلىغۇچى، يوشۇرغۇچى نەرسە، ۋاسىتە:[مىسال:] تۈنۈگۈن «ئىلغار»لىق نىقابقا ئورىنىۋالغانلار بۈگۈن نىقابنى يىرتىپ تاشلاپ، جاللاتلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى.

نىقابسىز

  • نىقابسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىقابى يوق، نىقابلانمىغان، نىقاب تارتمىغان:[مىسال:] نىقابلانغان دۈشمەننىڭ نىقابسىز ئاشكارا دۈشمەندىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھەر قاچان ئەس-يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.

نىقابلاتماق

  • نىقابلاتماق[يەشمىسى:] «نىقابلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نىقابلاشماق

  • نىقابلاشماق[يەشمىسى:] «نىقابلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نىقابلانماق

  • نىقابلانماق[يەشمىسى:] «نىقابلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆيگە نىقابلانغان ئۈچ ئادەم باستۇرۇپ كىردى.

نىقابلىق

  • نىقابلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىقابى بار، نىقابلانغان، نىقاب تارتىۋالغان:[مىسال:] ئۇ:[مىسال:] «مەنمۇ تازا بىلەلمىدىم، نىقابلىق كىشىلەر شۇنداق قىلدى، ئۇلارنى تونۇيالمىدىم» دەپ ئۆزىنى چەتكە ئالدى.

نىقابلىماق

  • نىقابلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نىقاب بىلەن تونۇغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرمەك؛ يوشۇرماق:[مىسال:] سەن ئۈزۈڭنى نىقابلاپ گۈلچى مومايغا بالا بولساڭ.سەنەمنىڭ يۈزىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىسەن.

نىقتاشماق

  • نىقتاشماق[يەشمىسى:] «نىقتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نىقتالماق

  • نىقتالماق[يەشمىسى:] «نىقتىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قۇدرەت بىردەمدە گېلىغىچە قورام تاشلار ئارىسىدا نىقتىلىپ قالدى.

نىقتىماق

  • نىقتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى مەلۇم نەرسىنىڭ ئىچىگە كۈچ بىلەن بېسىپ كىرگۈزمەك، چىڭ تىقماق:[مىسال:] تاغارغا ساماننى نىقتاپ قاچىلا.* ئۇ تام تۆشۈكلىرىنى قەغەز بىلەن نىقتاپ ئەتتى.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىنى يەنە بىرنەرسىگە تىرەپ تۇرۇپ قاتتىق ئىتتەرمەك، نوقۇماق:[مىسال:] ئۇ باقىنى ياقىسىدىن تۇتۇپ تامغا نىقتاپ-نىقتاپ قويدى.

نىقسىماق

  • نىقسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سېسىپ، ئېچىشقا باشلىماق؛ سېسىشقا، ئېچىشقا باشلاپ بەتبۇي پۇراق چىقارماق؛ بىقسىماق:[مىسال:] خېمىر نىقسىپ قاپتۇ.

نىكاھ

  • نىكاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەر-خوتۇنلۇقنى شەرىئەت يولى بىلەن رەسمىيلەشتۈرۈش ۋە شۇ رەسمىيلەشتۈرۈش ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان خۇتبە:[مىسال:] نىكاھ ئوقۇماق.[يەشمىسى:] ② ئەر ۋە ئايالنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى:[مىسال:] نىكاھ ئەركىنلىكى. نىكاھ قانۇنى.

نىكاھ غايىب

  • نىكاھ غايىب[يەشمىسى:] «ئەر-ئاياللارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى كۆپ ھاللاردا تاسادپىي بولۇپ قالىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] «ھەر نېمە بولسا، باي ئۆتكەن ئادەمنىڭ قىزىكەنغۇ، نىكاھ غايىب دېگەن شۇ» دەپ ئوبۇل ھېلىقى جۇۋاننى ئاپتۇ.

نىكاھسىز

  • نىكاھسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىكاھ قىلمىغان، نىكاھ رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەن:[مىسال:] ئۇ نىكاھسىز تۇغۇلغان بىر ئايالنىڭ بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات ئىدى.

نىكاھلاتماق

  • نىكاھلاتماق[يەشمىسى:] «نىكاھلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نىكاھلاشماق

  • نىكاھلاشماق[يەشمىسى:] «نىكاھلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

نىكاھلاندۇرماق

  • نىكاھلاندۇرماق[يەشمىسى:] «نىكاھلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] موماينىڭ ئوغلىغا شاھنىڭ قىزىنى نىكاھلاندۇرۇپ قويدى.

نىكاھلانماق

  • نىكاھلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆيلەنمەك (ئەرگە نىسبەتەن)، تۇرمۇشقا چىقماق (ئاياللارغا نىسبەتەن)، نىكاھلىق بولماق:[مىسال:] كېيىن دادامدىن يوشۇرۇن نىكاھلاندىم.

نىكاھلىق

  • نىكاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نىكاھلانغان:[مىسال:] رۇقىيە مەرداننىڭ ئىلگىرى ئىككى نىكاھلىق بولغانلىقىدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقانىدى.

نىكاھلىماق

  • نىكاھلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شەرىئەت يولى بىلەن نىكاھ رەسمىيىتىنى ئۆتىمەك؛ نىكاھ ئوقۇماق:[مىسال:] بەختىيار ئالقىش ۋەزىرنىڭ قىزى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارىنى ئاپتۇ-دە، باغۋەن يىگىتكە نىكاھلاپ، ئۇزۇندىن بۇيان مۇرادىغا يېتەلمىگەنلەرنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپتۇ.

نىكوتىن

  • نىكوتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى كۆك تاماكىدىكى بىئولوگىيىلىك ئاساس. مولېكۇلا فورمولۇلىسى . C10H14N2 رەڭسىز ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك سۇيۇقلۇق.ھاۋادا قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، تەسىر قىلغۇچى پۇراققا ئىگە، ئىنتايىن زەھەرلىك، نېرۋا سىستېمىسنى ئاۋۋال قوزغىتىدۇ، كېيىن تورمۇزلايدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە قۇرت ئۆلتۈرگۈچى دورا قىلىنىدۇ.

نىكېل

  • نىكېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى . (Niccolum)Ni كۈمۈش رەڭلىك، بەك قاتتىق، ئىنتايىن پارقىراق، سوزۇلۇشچانلىقى يوقىرى، سەل-پەل ماگنىتلىققا ئىگە، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن رېئاكسىيىلەشمەيدۇ، كۆپرەك ئالاھىدە پولات ۋە قېتىشما ئېلىشتا ئىشلىتىلىدۇ، كاتالىزاتورمۇ قىلىنىدۇ. يەنە باشقا مېتاللارنىڭ سىرتىنى قاپلاشتا قوللىنىلىدۇ.

نىكېللاتماق

  • نىكېللاتماق[يەشمىسى:] «نىكېللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

نىكېللانماق

  • نىكېللانماق[يەشمىسى:] «نىكېللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

نىكېللىماق

  • نىكېللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈستىنى نىكېل بىلەن قاپلىماق، ئۈستىگە نىكېل بەرمەك.

نىگار

  • نىگار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىل.[يەشمىسى:] سۆيۈملۈك، گۈزەل يار، مەشۇق:[مىسال:] ئاسماندىكى ئايىمسەن، كۆڭلۈمدىكى يارىمسەن. سۆزلىرى ئەجەب شېرىن، گۈل يۈزلۈك نىگارىمسەن.[يەشمىسى:] ② ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.

نىل

  • نىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] قېنىق كۆك رەڭلىك ئورگانىك بوياق. ئىتدىگوفېرا ئۆسۈملۈكىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېچىتىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. سۈنئىي سىنتېز قىلىنغانلىرىمۇ بار. رەختلەرنى بوياشتا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بويالغان رەختنىڭ رەڭگى ئۇزاققىچە ئۆڭمەيدۇ.

نىلقا

  • نىلقا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوۋاق، نارىسىدە.

نىلون

  • نىلون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① مولېكۇلىسى تەركىبىدە ئاتسىد ئامىد بېغى بولغان سىمولا.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل سىمولىدىن ئىشلەنگەن سۇلياۋ.ئۇنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، سۈركىلىشكە، مايغا چىداملىق كېلىدۇ ھەمدە ئوڭايلىقچە سۇ سۈمۈرمەيدۇ. ئۇنىڭىدىن قازان، چىشلىق چاق، غالتەك، ماي نەيچىسى قاتارلىق دېتاللارنى ۋە چوتكا قاتارلىق تۇرمۇش بۇيوملىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ شۇ خىل سىمولىدىن ئىشلەنگەن تالا ياكى شۇ تالانى ئېگىرىش ئارقىلىق توقۇلغان رەخت؛ كاپرون:[مىسال:] نىلون رەخت. نىلون پايپاق. نىلون مايكا.

نىم

  • نىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىل.[يەشمىسى:] يېرىم:[مىسال:] ئەھۋالى بەك خاراب، بەكمۇ پەرىشان، بولغانتى شۇ تاپتا نىم ئۆلۈك، نىم جان.

نىمام

  • نىمام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن تېنىدە ئۇششاق تۈكلىرى بار، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، گۈلى ئاق، مىۋىسى قاتتىق مېۋە. كېۋەز كۆكپىتىگە ئوخشاش زىيانلىق ھاشاراتلار مۇشۇ ئۆسۈملۈكتە پارازىت ياشاپ قىشلايدۇ.

نىمپەدە

  • نىمپەدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]نىم+پەدە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر خەلق مۇزىكىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

نىمتە

  • نىمتە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سويۇلغان مالنىڭ بويىغا بۆلۈنگەن يېرىمى؛ يارتا:[مىسال:] بىر نىمتە گۆش.

نىمتىلەنمەك

  • نىمتىلەنمەك[يەشمىسى:] «نىمتىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نىمتىلەنگەن قوي.

نىمتىلىمەك

  • نىمتىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سويۇلغان مالنى بويىغا ئوتتۇرىسىدىن تەڭ ئىككىگە بۆلمەك، نىمتە ھالەتكە كەلتۈرمەك.

نىمجان

  • نىمجان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يېرىمجان، چالا ئۆلۈك:[مىسال:] ئاباق بىلەن مۇھەممەتمۇ لاچىن سوققان نىمجان توشقاندەك جان قايغۇسىدا قالدى.

نىمجانلىق

  • نىمجانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېرىم جان چالا ئۆلۈك ھالەت؛ ئاجىزلىق، ماغدۇرسزلىق.

نىمچارەك

  • نىمچارەك[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]نىم+چارەك[[يەشمىسى:] ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. ئادەتتە نىمچارەك بەش كىلوگرامغا، بەزى جايلاردا تۆت كىلوگرامغا تەڭ كېلىدۇ.

نىمچە

  • نىمچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە، پىلاتىنىڭ ئىچىگە كىيىدىغان يەڭسىز، ياقىسىز كىيىمى:[مىسال:] بىر پەستىن كېيىن سارغۇچ گۈللۈك تاۋاردا نىمچە كىيگەن گۈل خېنىم دالانغا چىقتى.

نىمچىلىك

  • نىمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① نىمچىسى بار، نىمچە كىيگەن:[مىسال:] ھويلىدا بەلۋېغىغا قىلىچ ئېسىۋالغان، قىسقا نىمچىلىك، ئېگىز بويلۇق بىر ئايال تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② نىمچە تىكىشكە يارايدىغان، نىمچە بولىدىغان:[مىسال:] بىر نىمچىلىك رەخت.

نىمكار

  • نىمكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① شاگىرت، بالا ئىشچى:[مىسال:] ئاكامنى نىمكار قىلىپ ئىشلەتسەڭ نومۇس ئەمەسمۇ دەپ كايىدى بالا.[يەشمىسى:] ② ئىشلەمچى، مەدىكار:[مىسال:] ئون نىمكار بىلەن بىر كۈندىلا قوپۇرۇپ تەييار قىلدۇق.

نىمكەش

  • نىمكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرئاز كىيىلگەن ياكى ئىشلىتىلگەن، پېتىدىن چۈشكەن:[مىسال:] نىمكەش ئاياغ. نىمكەش كىيىم. نىمكەش گىلەم.

نىمئىششەك

  • نىمئىششەك[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]نىم+ئىششەك[[يەشمىسى:] ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. نىمچارەكنىڭ يېرىمىغا باراۋەر بولۇپ، تەخمىنەن 5.2 كىلو گرامغا تەڭ:[مىسال:] قاسساپ تۆت سەر كەم بار دەپ ئۆلەر، جۇۋىدار نىمئىششەك كەم دەپ ئۆلەر(ماقال).

نى-نى

  • نى-نى[يەشمىسى:] نۇرغۇن-نۇرغۇن؛ ئاجايىپ؛ مەن-مەن دېگەن:[مىسال:] ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز، ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز. قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە، قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشت-چۆلدە قەبرىسىز.

نىئوبىت

  • نىئوبىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىرخىل مىنېرال.خىمىيىلىك تەركىبى رومبىلىق كرىستاللىرى سىستېمىسىدا بولۇپ، كرىستاللارنىڭ تارىشىسىمان ياكى قىسقا تۈۋرۈكسىمان بولىدۇ. رەڭگى قارا ياكى قوڭۇر، يول ئىزلىرى قىزغۇچ قوڭۇردىن قارا قوڭۇرغىچە، يېرىم مېتال پارقىراقلىقىدا كېلىدۇ. قاتتىقلىقى 6، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى . 6.52  5.2

نىئوبىي

  • نىئوبىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى ( Nibium) Nb. ئاق كۈل رەڭلىك كرىستال ماددا، سوزۈلۇشچانلىققا ئىگە. قېتىشمىغا ئىنتايىن ئاز مىقداردا نىئوبىي ئارىلاشتۇرۇلسا قېتىشمىنىڭ قاتتىقلىقى، چىرىتىشكە چىداملىقلىقى ئارتىدۇ. نىئوبىي گاز سۈمۈرىدۇ. ئۇ گاز چىقىرىپ تاشلىغۇچى قىلىنىشتىن باشقا يەنە ياخشى بىر خىل ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ھېسابلىنىدۇ.

نىۋېلىر

  • نىۋېلىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] گورىزونتال قاراش سىزىقى ۋاسىتىسى بىلەن يەر يۈزىدىكى ئىككى نۇقتىنىڭ ئېگىز-پەسلىك پەرقىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. ئاساسەن تېلىسكوپ (دۇربۇن) بىلەن ۋاتىرپاس (تەڭشەك) تىن تەركىب تاپىدۇ.

نىۋېلىرلىمەك

  • نىۋېلىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] نىۋېلىر بىلەن يەر ئۈستىدىكى كېرەكلىك نۇقتىلارنىڭ ئېتمېكىسىنى ئۆلچىمەك.

نىياز

  • نىياز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىل.[يەشمىسى:] ① ئاتاش؛ نەزىر سەدىقە، خەير-ساخاۋەت:[مىسال:] نىياز قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

نىيەت

  • نىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۆڭۈلدىكى ئارزۇ-ئىستەك مەقسەت؛ ئوي-خىيال:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ تېخى مۇنداق نىيىتى بارلىقىنى بىلمەپتىمەن.

نىيەتداش

  • نىيەتداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. يېزىت.[يەشمىسى:] نىيىتى ئوخشاش، بىر نىيەتتىكى:[مىسال:] ئۇشبۇ كۈن قىلدىم ۋەتەن ساقلاش ئۈچۈن جەڭگە نىيەت، نىيىتىگە بول نىيەتداش، سۆيگۈمىز بولسۇن ئەبەد.

نىيەتلەنمەك

  • نىيەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نىيەت قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئۆيگە كىرىشكە نىيەتلەندى.

نىيەتلىك

  • نىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نىيىتى بار، مەلۇم نىيەتنى كۆڭلىگە پۈتكەن:[مىسال:] ياخشى نىيەتلىك ئادەم.

نىيەت-ئىقبال

  • نىيەت-ئىقبال[يەشمىسى:] نىيەت ۋە ئىقبال:[مىسال:] ئوخشايدىكەن دەرد-ھالىمىز، بىر جۈپ بولغاي نىيەت-ئىقبالىمىز.

نيۇتون

  • نيۇتون[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەنگلىيىنىڭ فىزىكا، ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە<ئالىمى. مىلادىيە 1642-يىلى تۇغۇلۇپ 1727-يىلى ۋاپات بولغان. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسى ۋە مېتىر، كىلوگرام، سېكونت سىستېمىسىدىكى كۈچنىڭ بىرلىكى. بەلگىسى . N بىر نيۇتون — ماسسىسى بىر كىلوگرام بولغان جىسىمدا 1m/s2 لىق تېزلىنىش پەيدا قىلالايدىغان كۈچكە تەڭ، يەنى . 1N=015dyn بۇ يەردىكى 《DYN》 دىنانىڭ قىسقارتىلما بەلگىسىدۇر.

نيۇتون قانۇنى

  • نيۇتون قانۇنى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] نيۇتون كەشىپ قىلغان ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى، ئىنېرتسىيە قانۇنى، سوۋۇش قانۇنى، ھەرىكەت قانۇنى، تەسىر كۈچ ۋە ئەكس تەسىر قانۇنى، يېپىشقاقلىق قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي نامى.