ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

29 ۋ 🔗

ۋ

ۋابا

ۋاپا (ۋااسى)

ۋاپات (ۋاپاتى)

ۋاپادار (ۋاپادارى)

ۋاپادارلىق

ۋاپاسىز

ۋاپاسىزلىق

ۋاپالىق

ۋاپۇرۇش

ۋاپۇرۇشلۇق

ۋاتⅠ

ۋاتⅡ

ۋاتⅢ

ۋاتلىق

ۋاتمېتىر

ۋات-ۋات

ۋاتېرپاس

ۋاتىلداتماق

ۋاتىلداشماق

ۋاتىلداق

ۋاتىلدىماق

ۋاجىپ

ۋاجىپلىق

ۋاچ

ۋاچچىدە

ۋاچ-ۋۇچ

ۋاخ

ۋاخان

ۋاخلىق

ۋاخىنا

ۋادەرىخ

ۋادەرىخا

ۋادەك

ۋادەكلەتمەك

ۋادەكلىمەك

ۋادو

ۋادى

ۋارⅠ

ۋارⅡ

ۋاراتا

ۋاراتار

ۋاراس

ۋاراس-ۋاراس

ۋاراس-ۋۇرۇس

ۋاراسلاتماق

ۋاراسلىماق

ۋاراقⅠ

ۋاراقⅡ

ۋاراقچە

ۋاراقچى

ۋاراقلاتماقⅠ

ۋاراقلاتماقⅡ

ۋاراقلاشماق

ۋاراقلانماق

ۋاراقلىماقⅠ

ۋاراقلىماقⅡ

ۋاراقلىق

ۋاراق-ۋاراق

ۋاراق-ۋۇرۇق

ۋاراڭ

ۋاراڭ-چۇرۇڭ

ۋاراڭ-ۋاراڭ

ۋاران

ۋاران كەسلەنچۈكى

ۋاررىدە

ۋارس

ۋارسىلداتماق

ۋارسىلدىماق

ۋارقىراپ-جارقىراپ

ۋارقىراتماق

ۋارقىراش-جارقىراش

ۋارقىراشماق

ۋارقىرىغاق

ۋارقىرىماق

ۋارونكا

ۋار-ۋار

ۋار-ۋۇر

ۋارىئاتسىيە

ۋارىئاتسىيىلەشتۈرمەك

ۋارىئاتسىيىلەشمەك

ۋارىئاتسىيىلىك

ۋارىس

ۋارىسچانلىق

ۋارىسلىق

ۋارىنە

ۋارىئومېتىر

ۋارى-ۋارى

ۋارىيانت

ۋارىيانتلىق

ۋاز

ۋازا

ۋازارەت

ۋازۇ

ۋازېلىن

ۋاژ

ۋاژژىدە

ۋاژ-ۋاژ

ۋاژ-ۋۇژ

ۋاژىلداتماق

ۋاژىلداشماق

ۋاژىلدىماق

ۋاس

ۋاسا

ۋاسا تاق

ۋاسا جۈپ

ۋاسالغۇ

ۋاسسىدە

ۋاسكېتبول

ۋاسكېتبولچى

ۋاس-ۋاس

ۋاسىتە

ۋاسىتىچى

ۋاسىتىچىلىك

ۋاسىتىسىز

ۋاسىتىلىك

ۋاسىدەميان

ۋاسىل

ۋاسىل بولماق

ۋاسىلدىماق

ۋاش

ۋاشاق

ۋاشاڭ

ۋاشاڭداتماق

ۋاشاڭداشماق

ۋاشاڭدالماق

ۋاشاڭدىماق

ۋاشات

ۋاش-ۋاش

ۋاش-ۋۇش

ۋاشىلداتماق

ۋاشىلداشماق

ۋاشىلدىماق

ۋاغجىر

ۋاقⅠ

ۋاقⅡ

ۋاقاقلاتماق

ۋاقاقلاشماق

ۋاقاقلىماق

ۋاقتانىۋاق

ۋاقتىدا

ۋاقتى-سائىتى

ۋاقتى-قەرەلى

ۋاقتىنچە

ۋاقتى-ۋاقتىدا

ۋاقچە

ۋاققىدە

ۋاقلىق

ۋاق-ۋاق

ۋاق-ۋۇق

ۋاقىپ

ۋاقىپلاندۇرماق

ۋاقىپلانماق

ۋاقىت

ۋاقىتسىز

ۋاقىتلىق

ۋاقىلداتماق

ۋاقىلداشماق

ۋاقىلدىماق

ۋاقىئىي

ۋاك

ۋاك دېمەك

ۋاكالەت

ۋاكالەتچى

ۋاكالەتچىلىك

ۋاكالەتخانا

ۋاكالەتلىك

ۋاكالەتنامە

ۋاكالىتەن

ۋاكسىنا

ۋاككىدە

ۋاكۇئۇل

ۋاكۇئۇم

ۋاكۇئۇم پومپىسى

ۋاكۇئۇممېتىر

ۋاگون

ۋاگونچاق

ۋاگونچى

ۋاگونلاپ

ۋاگونلۇق

ۋاڭⅠ

ۋاڭⅡ

ۋاڭ-چۇڭ

ۋاڭشىتماق

ۋاڭشىغاق

ۋاڭشىماق

ۋاڭڭىدە

ۋاڭلىق

ۋاڭ-ۋاڭ

ۋاڭ-ۋۇڭ

ۋاڭىلداتماق

ۋاڭىلداشماق

ۋاڭىلدىماق

ۋال

ۋالاق

ۋالاقتەگكۈر

ۋالاقتەگكۈرلۈك

ۋالاققىدە

ۋالاقلاتماق

ۋالاقلاشماق

ۋالاقلىماق

ۋالاق-ۋالاق

ۋالاق-ۋۇلۇق

ۋالەك

ۋالتورنا

ۋاللاھۇئەلەم

ۋاللىدە

ۋال-ۋال

ۋال-ۋۇل

ۋالېنت

ۋالېنتلىق

ۋالىبول

ۋالىبولچى

ۋالىك

ۋالىس

ۋالىلداتماق

ۋالىلدىماق

ۋالىۋاش

ۋالىي

ۋالىيلىق

ۋانادىي

ۋانكومىتسىن

ۋاننا

ۋاننىلىق

ۋانىل

ۋانىلىن

ۋاھ

ۋاھابىلار

ۋاھە

ۋاھ-ۋاھ

ۋائىز

ۋائىزلىق

ۋاي

ۋاي ئاتام

ۋاي ئاللا

ۋاي ئاللىيەي

ۋاي ئانام

ۋاي تېخى

ۋاي خۇدايىمەي

ۋاي دېمەك

ۋاي سالماق

ۋاي قوۋۇرغام

ۋاي ئىسىت

ۋاي ئىسىتەي

ۋايە

ۋايىغا يەتمەك

ۋايتاڭ

ۋايتاڭەي

ۋايتوۋا

ۋايجان

ۋايجانەي

ۋايجانلاتماق

ۋايجانلىماق

ۋايداد

ۋايدادلىماق

ۋايساتماق

ۋايساشماق

ۋايسىماق

ۋاي-ۋاي

ۋايۋايلىماق

ۋاي-ۋۇي

ۋاييەي

ۋە

ۋەئەلەيكۇم

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

ۋەتەن

ۋەتەن ساتقۇچ

ۋەتەنپەرۋەر

ۋەتەنپەرۋەرلىك

ۋەتەنداش

ۋەتەنداشلىق

ۋەتەنسىز

ۋەتەنسىزلىك

ۋەتەنلىك

ۋەتۋەرەكⅠ

ۋەتۋەرىكى چىقماق

ۋەتۋەرەكⅡ

ۋەج

ۋەجلىك

ۋەخپە

ۋەخپە ئەۋلاد

ۋەخپە قىلماق

ۋەخپە مۇتلەق

ۋەدا

ۋەدە

ۋەدىسىز

ۋەدىش

ۋەدىلەشمەك

ۋەدىلىك

ۋەدىنامە

ۋەدىئىزم

ۋەرەقە

ۋەز

ۋەزچى

ۋەزخان

ۋەزخانلىق

ۋەزمىن

ۋەزمىنلەشمەك

ۋەزمىنلىك

ۋەز-نەسىھەت

ۋەزىپە

ۋەزىپىسىز

ۋەزىپىلىك

ۋەزىر

ۋەزىرئەزەم

ۋەزىرلىك

ۋەزىر-ۋۇزرا

ۋەزىن (ۋەزنى)

ۋەزىنسىز

ۋەزىنلىك

ۋەزىيەت

ۋەسسالام

ۋەسۋەسە

ۋەسۋەسىلىك

ۋەسىقە

ۋەسىقىسى يوق

ۋەسىقىسىز

ۋەسىل (ۋەسلى)

ۋەسىي

ۋەسىيەت

ۋەسىيەتلىك

ۋەسىيەتنامە

ۋەسىيلىك

ۋەسىيلىك قىلىش

ۋەششەمسى

ۋەقە

ۋەقەسىز

ۋەقەلىك

ۋەكىل

ۋەكىللىك

ۋەلەك

ۋەللەي

ۋەلىئەھد

ۋەلىئەھدىلىك

ۋەلىدىزىنا

ۋەلىي

ۋەلىي نېمەت

ۋەلىيلىك

ۋەلىيۇللا

ۋەنزە

ۋەھاكازا

ۋەھالەنكى

ۋەھشەت

ۋەھشىي

ۋەھشىيانە

ۋەھشىيلەرچە

ۋەھشىيلەشمەك

ۋەھشىيلىك

ۋەھىم

ۋەھىمە

ۋەھىمىسىز

ۋەھىمىلىك

ۋەھىي

ۋەي

ۋەيت

ۋەيت-ۋەيت

ۋەيران

ۋەيران بولماق

ۋەيران بولۇش

ۋەيرانە

ۋەيرانچىلىق

ۋەيرانلاشماق

ۋەيرانلىق

ۋەيلۇن

ۋراچ

ۋراچلىق

ۋودكا

ۋودوپروۋود

ۋودورود

ۋودورود بومبىسى

ۋوسپالېنىيە

ۋوگزال

ۋولت

ۋولت-ئامپېر

ۋولتمېتىر

ۋولفرام

ۋولفراملىق

ۋولقان

ۋولگار

ۋولگارىزم

ۋولۋوكس

ۋولېنكا

ۋون

ۋوھ

ۋوي

ۋوي-ۋوي

ۋۇ

ۋۇجۇد

ۋۇجۇدقا چىقماق

ۋۇجۇدقا كەلمەك

ۋۇجۇدىيەت

ۋۇڭ

ۋۇڭىلدىماق

ۋۇي

ۋې

ۋېبېر

ۋېچىركا

ۋېدا

ۋېدائىزم

ۋېرتۇشكا

ۋېرتىكال

ۋېكتور

ۋېكتورلۇق

ۋېكتورمېتىر

ۋېكسېل

ۋېگىتاتىۋ

ۋېلىسىپىت

ۋېلىسىپىتچى

ۋېلىسىپىتلىك

ۋېنا

ۋېناپورتا

ۋېنتۇرىمېتىر

ۋېنتىل

ۋېنگر

ۋېنگرچە

ۋېنېرا

ۋىبراتور

ۋىبروگراف

ۋىبرومېتىر

ۋىت

ۋىتافۇن

ۋىتامىن

ۋىتامىنسىز

ۋىتۋالاق

ۋىت-ۋىت

ۋىتېرىت

ۋىتىر

ۋىتىر نامىزى

ۋىتىلداتماق

ۋىتىلداشماق

ۋىتىلداق

ۋىتىلداقلىق

ۋىتىلدىماق

ۋىجدان

ۋىجدان ئازابى

ۋىجدانى بار

ۋىجدانى كۆتۈرمەسلىك

ۋىجدانى قاينىماق

ۋىجدانىنى ساتماق

ۋىجدانى يوق

ۋىجدانەن

ۋىجدانسىز

ۋىجدانسىزلىق

ۋىجدانلىق

ۋىجدانىي

ۋىجىك

ۋىجىكلەشتۈرمەك

ۋىجىكلەشمەك

ۋىجىكلىك

ۋىجىكلىمەك

ۋىچ

ۋىچ-ۋىچ

ۋىچىر

ۋىچىرلاتماق

ۋىچىرلاشماق

ۋىچىرلىماق

ۋىچىر-ۋىچىر

ۋىدا

ۋىدالاشماق

ۋىدالىق

ۋىدىس

ۋىرتوشكا

ۋىرۇس

ۋىرۇسلۇق

ۋىرۇسئولوگىيە

ۋىزا

ۋىزۋوت

ۋىژ

ۋىژژىدە

ۋىژ-ۋىژ

ۋىژىلداتماق

ۋىژىلداشماق

ۋىژىلدىماق

ۋىسال

ۋىسالىغا يەتمەك

ۋىسكوزا

ۋىسكوزىمېتىر

ۋىسمان

ۋىسمانىزم

ۋىسمۇت

ۋىش

ۋىششىدە

ۋىشكا

ۋىشنۇ

ۋىش-ۋىش

ۋىشىلداتماق

ۋىشىلدىماق

ۋىق

ۋىقىلداتماق

ۋىقىلداشماق

ۋىقىلدىماق

ۋىكسترېمىيە

ۋىكسترېمىيە چاتقىلى

ۋىكليۇچاتېل

ۋىڭ

ۋىڭڭىدە

ۋىڭ-ۋىڭ

ۋىڭىلداتماق

ۋىڭىلداشماق

ۋىڭىلدىماق

ۋىل

ۋىلايەت

ۋىلايەتلىك

ۋىلكا

ۋىللىدە

ۋىل-ۋىل

ۋىلىق

ۋىلىققىدە

ۋىلىقلىماق

ۋىلىق-ۋىلىق

ۋىلىلدىماق

ۋىنايا

ۋىنتا

ۋىنتىسى بوش

ۋىنتىسى كەم

ۋىنتىلاتماق

ۋىنتىلاشماق

ۋىنتىلانماق

ۋىنتىلىق

ۋىنتىلىماق

ۋىنو

ۋىنوچىلىق

ۋىنىل

ۋىنىلون

ۋىئولېت

ۋىئولېت گۈلى

ۋىۋىسكا

ۋىيەي

ئىزاھى

ۋ

  • ۋ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە توققۇزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە توققۇزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ۋ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى ۋە بېشىدىن كېلىدىغان شەكلى «ۋ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ۋ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ۋې».

  • «ۋ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن چىش-كالپۇك تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن يېرىم سوزۇق تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

  • «ۋ» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. بىرىنچى تەركىبى «م، ن» دىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار ۋە سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى تەركىبى «ب» تاۋۇشى بىلەن باشلىنىدىغان بىرىككەن سۆزلەردە، ئىككىنچى تەركىبنىڭ بېشىدىكى «ب» تاۋۇشى ئىملادىمۇ، تەلەپپۇزدىمۇ «ۋ» غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • بەل + باغ = بەلۋاغ بەلۋاغ

  • ئۈستى + باش = ئۈستىۋاش ئۈستىۋاش

  • قۇش + بېگى = قۇشۋېگى قۇشۋېگى

  • 2. باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان، ئەسلىدە «ۋ» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر قىسىم سۆزلەر تەلەپپۇزدا ئومۇمەن «پ» تەلەپپۇز قىلىنغاچقا، يېزىقتىمۇ «پ» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئەسلى ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ئارخىۋ ئارخىپ-ئارخىپى ئارخىپ-ئارخىپى

  • كوپېراتېۋ كوپېراتىپ-كوپېراتىپى كوپېراتىپ-كوپېراتىپى

  • 3. «ئال، ئات ~ ئەت، ئىدى» ياردەمچى پېئىللىرى «پ» لىق رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ تۈس كاتېگورىيىسىنى ھاسىل قىلغاندا، رەۋىشداش تەركىبىدىكى بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن «پ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا «ۋ» غا نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ ئېيتىلىدۇ. بۇ خىل فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ئىملادا ھەم تەلەپپۇزدا نۆۋەتلەشكىنى بويىچە ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • يېزىپ + ئال يېزىۋال، يېزىۋېلىش يېزىۋال، يېزىۋېلىش

  • تاشلاپ + ئەت تاشلىۋەت، تاشلىۋېتىش تاشلىۋەت، تاشلىۋېتىش

  • 4. «بەر» پېئىلى «ئا، ئە» بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلارغا قوشۇلۇپ داۋاملىق تۈس كاتېگورىيىسىنى ھاسىل قىلغاندا، «بەر» پېئىلىنىڭ باش تەرىپىدىكى «ب» تاۋۇشى يېزىقتىمۇ، تەلەپپۇزدىمۇ «ۋ» غا نۆۋەتلىشىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ياز + ا + بەر يېزىۋەر يېزىۋەر

  • كەل + ە + بەر كېلىۋەر كېلىۋەر

  • كۆر + ە + بەر كۆرىۋەر كۆرىۋەر

  • 5. رۇس تىلىدىن تىلىمىزغا كىرگەن فامىلىلەردىكى «وۋ، ىېۋ،ېىۋ» قوشۇمچىلىرىدىكى «ۋ» تاۋۇشى «ف» بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

  • تۇرگېنېۋ (ئەمەس) تۇرگېنېف

  • ئوسمانوۋ (ئەمەس) ئوسمانوف

  • 6. «ئاخۇن، ئاكا، ئاچا» قاتارلىق سۆزلەر كىشى ئىسىملىرىگە قوشۇلۇپ كەلگەندە، تاۋۇشلاردا بولىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر تەلەپپۇزدا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى «پ» تاۋۇشى «ۋ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • يۈسۈپ ئاكا يۈسۈۋاكا

  • تالىپ ئاخۇن تالىۋا:خۇن

ۋابا

  • ۋابا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] تېز تارقىلىشچان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] ۋابا تارقالماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاپەت، كۈلپەت قاتارلىق كۆڭۈلسىز ھادىسىلەر:[مىسال:] شەرقتىن بىر سادا كەلدى، شىۋىرغان جۇت ھاۋا كەلدى. تۈتەك باسقان ئاراللاردىن، سېرىق شەيتان ۋابا كەلدى.

ۋاپا (ۋااسى)

  • ۋاپا (ۋااسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دوستىغا، يارىغا ۋە يېقىن كىشىلىرىگە بولغان ساداقەت؛ كۆيۈم، سۆزىدە قەتئىي تۇرۇش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش:[مىسال:] ۋاپاغا جاپا قىلماق. * چىرايلىقتا ۋاپا يوق (ماقال). * ۋاپا تاق، جاپا جۈپ (ماقال).

ۋاپات (ۋاپاتى)

  • ۋاپات (ۋاپاتى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلۈم:[مىسال:] ھېلىقى ئۆيدىكى قىز نۇردۇننىڭ ۋاپات بولغان ئۇستىسىنىڭ قىزى ئىكەن.

ۋاپادار (ۋاپادارى)

  • ۋاپادار (ۋاپادارى)[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەھدىسىنى بۇزمايدىغان، سۆزىگە، ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان؛ سەمىمىي، سادىق:[مىسال:] ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سادىق ھەمراھى، جۈپتى:[مىسال:] كۆز مۇنچىقىم، ۋاپادارىم ياخشى قال.

ۋاپادارلىق

  • ۋاپادارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، سادىقلىق، سەمىمىيلىك، ياخشىلىق:[مىسال:] ئۇ سېنىڭ ۋە مېنىڭ بالامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ بىزگە ۋاپادارلىق قىلدىغۇ، سەن بۇنىمۇ چۈشەنمەمسەن

ۋاپاسىز

  • ۋاپاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاپاسى يوق، ۋاپا قىلمايدىغان، كۆيۈمسىز:[مىسال:] ۋاپاسىز ئادەم.

ۋاپاسىزلىق

  • ۋاپاسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاپاسى يوقلۇق، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي يۈرۈش، كۆيۈمسىزلىك:[مىسال:] مەن ئۆزۈم ئىشەنگەن بىر يىگىتتىن چوڭ ۋاپاسىزلىق كۆردۈم.

ۋاپالىق

  • ۋاپالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاپا قىلىدىغان، ۋاپادار:[مىسال:] دوست دېگەننى سىناپ تۇت، شۇ چاغدا ۋاپالىق دوست تۇتالايسەن. ∥ جۇدالىقتىن دەرد چەككەن، ۋاپالىقىم ياخشى قال.

ۋاپۇرۇش

  • ۋاپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەخسۇس ئاياغ كىيىمى تىجارىتى قىلىدىغان سودىگەر.

ۋاپۇرۇشلۇق

  • ۋاپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش:[مىسال:] مېنىڭ تېرىپۇرۇشلۇق قىلىشتىن بۇرۇن خېلى ئۇزاق بىرمەزگىل ۋاپۇرۇشلۇق قىلىپ يۈرگىنىمنى بىلىدىلىغۇ؟

ۋاتⅠ

  • ۋاتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئېنگ[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكترنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى. ئېلېكتر بېسىمى 1 ۋولت، ئۆتكەن توك 1 ئامپېر بولغان چاغدا، قۇۋۋەت 1 ۋات بولىدۇ.

ۋاتⅡ

  • ۋاتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] «ۋات-ۋات»قا قاراڭ.

ۋاتⅢ

  • ۋاتⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تايلاندنىڭ پۇل بىرلىكى.

ۋاتلىق

  • ۋاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم ۋات توك كۈچىگە ئىگە بولغان، مەلۈم ۋات توك كېتىدىغان:[مىسال:] 15 ۋاتلىق لامپۇچكا.

ۋاتمېتىر

  • ۋاتمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر توكىنىڭ قۇۋۋىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. بىر فازىلىق ھەم ئۈچ فازىلىقتىن ئىبارەت ئىككى تىپلىق بولىدۇ.

ۋات-ۋات

  • ۋات-ۋات[يەشمىسى:] ئورۇنسىز تولا سۆزلەيدىغان، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تولا گەپ قىلىدىغان، ۋاتىلداق:[مىسال:] ۋات-ۋات ئايالنىڭمۇ چىرايلىق تەسەللىسى بار.

ۋاتېرپاس

  • ۋاتېرپاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گوللاند[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] «شەيتانⅡ»گە قاراڭ.

ۋاتىلداتماق

  • ۋاتىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋاتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇرادەر، ئايالىڭىزنى تولا ۋاتىلداتماي بۇ يەردىن ئەكېتىڭا، دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

ۋاتىلداشماق

  • ۋاتىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋاتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاياللار ۋاتىلدىشىپ كەتتى.

ۋاتىلداق

  • ۋاتىلداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۇقىرى ئاۋازدا تولا سۆزلەيدىغان:[مىسال:] ۋاتىلداق ئادەم.

ۋاتىلدىماق

  • ۋاتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز تولا سۆزلىمەك، يۇقىرى ئاۋازدا ئورۇنسىز گەپنى جىق قىلماق:[مىسال:] ئەمەت كۈرۈك ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ۋاتىلداپ كەتتى.

ۋاجىپ

  • ۋاجىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچە بويىچە ئورۇندىلىشى مەجبۇرىي بولغان؛ مەجبۇرىي:[مىسال:] پادىشاھنىڭ ئەمرى ۋاجىپ. قۇرئانىشەرىپتىمۇ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولماق ۋاجىپ، دېيىلگەن، — دېدى ۋەزىر.

ۋاجىپلىق

  • ۋاجىپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەجبۇرىيلىق، چوقۇم بېجىرمىسە بولماسلىق.

ۋاچ

  • ۋاچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بەزىبىر ھەرىكەتنىڭ تېز بولۇشىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز:[مىسال:] تاۋۇز «ۋاچ» قىلىپ يېرىلدى.

ۋاچچىدە

  • ۋاچچىدە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋاچ» قىلىپ، «ۋاچ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] قولۇمدىكى تاۋۇز يەرگە چۈشۈپ ۋاچچىدە يېرىلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نۇرغۇن، جىق، تولا:[مىسال:] پۇل دېگەن ئۇنىڭدا ۋاچچىدە.

ۋاچ-ۋۇچ

  • ۋاچ-ۋۇچ[يەشمىسى:] «ۋاچ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

ۋاخ

  • ۋاخ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قېتىم:[مىسال:] مەن بۈگۈن بىر ۋاخ تاماق يېدىم.

ۋاخان

  • ۋاخان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاكار، پەتەك.

ۋاخلىق

  • ۋاخلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ۋاخلىق تاماق.

ۋاخىنا

  • ۋاخىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شوتا، كارىۋات، ئورۇندۇق ۋە شۇ تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا بېكىتىلگەن بالداق.

ۋادەرىخ

  • ۋادەرىخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىسىت، ئەپسۇس:[مىسال:] ھۆركىرەپ ئۆتتۈم ئەمەلنىڭ بارىدا يولۋاس بولۇپ، قايسى كۈن چۈشتۈم شۇ ئان ئۆچتى ئۈنۈم تىمتاس بولۇپ. يا يۈرەكتىن ئالدى دەرد دوختۇرغا باردىم ۋادەرىخ يا ئۇدۇل مەسچىتكە كىردىم، ئەل ئارا چىقماس بولۇپ.

ۋادەرىخا

  • ۋادەرىخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ۋاي ئىسىت، ۋاي ئەپسۇس:[مىسال:] ۋادەرىخا، مۇنداقمۇ دەردلىك غۇلاملار بولۇرمۇ، دەپتۇ پادىشاھ.

ۋادەك

  • ۋادەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئەتراپىنى توسۇش ئۈچۈن ياسىلىدىغان جازا؛ سالاسۇن ۋە شۇ سالاسۇننى تەشكىل قىلغۇچى بالداق:[مىسال:] ئۇ ۋادەككە يېقىنلاپ كېلىپ قورۇغا نەزەر سالدى.

ۋادەكلەتمەك

  • ۋادەكلەتمەك[يەشمىسى:] «ۋادەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋادەكلىمەك

  • ۋادەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋادەك بىلەن توسماق، قورشىماق:[مىسال:] ئۇ قورۇسىنى ۋادەكلىدى.

ۋادو

  • ۋادو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا خىش پارچىلاش ۋە تام قوپۇرۇش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان چەيدو شەكىللىك تۆمۈر ئەسۋاب.

ۋادى

  • ۋادى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ① بىرەر سۇ سىستېمىسىنىڭ غول ۋە تارماق ئېقىملىرى ئېقىپ ئۆتىدىغان پۈتۈن دائىرە. مەسىلەن، تارىم ۋادىسى، ئىلى ۋادىسى، ئېرتىش ۋادىسى قاتارلىقلار. ۋادىنىڭ سۈيى ئۇنىڭ سۇ بۆلگۈچ سىزىقى ئىچىدىن يىغىلىدۇ، قوشنا ۋادىلار ئوتتۇرىسىدىكى سۇ بۆلگۈچ سىزىقى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② دەريا بويلاپ سوزۇلغان ياكى تاغلار ئارىسىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىك. ئومۇمەن زىرائەت تېرىلىدىغان، دەل-دەرەخ ئۆسىدىغان كەڭ جاي.

ۋارⅠ

  • ۋارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كىشىلەر ۋارقىرىغاندا ياكى كۈچەپ سۆزلىگەندە، يىغلىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋارⅡ

  • ۋارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىشسىز قۇۋۋەتنىڭ بىرلىكى. بىر ساپ ئىندۇكتىپلىق (ياكى ساپ سىغىم)نىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئېلېكتر بېسىمى 1 ۋولت، ئۇنىڭدىن ئۆتكەن ئىشسىز توك 1 ئامپېر بولسا، ئۇ ھالدا ئىندۇكتىپلىق (ياكى ساپ ئېلېكتر سىغىمى) غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشسىز قۇۋۋەت 1 ۋار بولىدۇ.

ۋاراتا

  • ۋاراتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] پۇتبول، مۇز توپ قاتارلىق تەنھەرىكەتلەردە توپ مەيدانىنىڭ ئىككى بېشىغا ئورنىتىلغان دەرۋازا رامكىسى شەكلىدىكى جازا. ئۇ توپ كىرگۈزۈش نىشانى بولۇپ، ئارقىغا تور ئېسىلغان بولىدۇ. ئۇرۇلغان توپ كىرسە، تور ئىچىدە سولىنىپ قالىدۇ.

ۋاراتار

  • ۋاراتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] پۇتبول، مۇز توپ قاتارلىق تەنھەرىكەتلەردە ئۆز تەرىپىنىڭ دەرۋازىسىنى مۇداپىئە قىلغۇچى تەنھەرىكەتچى. ئاساسىي ۋەزىپىسى ئۆز تەرىپىنىڭ ۋاراتاسىنى بېقىپ، توپ كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.

ۋاراس

  • ۋاراس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق، چۈرۈك نەرسىلەر سۇنغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋاراس-ۋاراس

  • ۋاراس-ۋاراس[يەشمىسى:] «ۋاراس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋاراس-ۋۇرۇس

  • ۋاراس-ۋۇرۇس[يەشمىسى:] «ۋاراس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئورمان ئىچىدىن ۋاراس-ۋۇرۇس قىلىپ ياغاچ سۇنغان ئاۋازلار ئاڭلاندى.

ۋاراسلاتماق

  • ۋاراسلاتماق[يەشمىسى:] «ۋاراسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋاراسلىماق

  • ۋاراسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاراس» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋاراس-ۋاراس» قىلماق:[مىسال:] ياغاچلارنىڭ ۋاراسلاپ سۇنغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

ۋاراقⅠ

  • ۋاراقⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىتاب، گېزىت، ژۇرنال قاتارلىقلارنىڭ ئىككى بېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر پارچىسى، بۆلىكى:[مىسال:] دەپتەرنىڭ ۋاراقلىرى تۈگەپ، ئاخىرقى بېتىلا بوش قالغانىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ۋاراق قەغەز.

ۋاراقⅡ

  • ۋاراقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇق نەرسىلەر قاينىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋاراقچە

  • ۋاراقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك ۋاراق:[مىسال:] ئۇ خەت يېزىلغان ۋاراقچىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئاستا كېتىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم مەزمۇندىكى تەشۋىقات تېكىستى چۈشۈرۈلگەن قەغەز:[مىسال:] كوچىدا تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى.

ۋاراقچى

  • ۋاراقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغان كەچكىچە كىتاب ئاختۇرۇپ يۈرىدىغان ئادەم:[مىسال:] موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى (ماقال).

ۋاراقلاتماقⅠ

  • ۋاراقلاتماقⅠ[يەشمىسى:] «ۋاراقلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] موماي بالىسىغا كىتابنىڭ بېتىنى ۋاراقلاتتى.

ۋاراقلاتماقⅡ

  • ۋاراقلاتماقⅡ[يەشمىسى:] «ۋاراقلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ سۇنى ۋاراقلىتىپ قاينىتىۋاتاتتى.

ۋاراقلاشماق

  • ۋاراقلاشماق[يەشمىسى:] «ۋاراقلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كىتابلىرىنى ۋاراقلىشىپ ئولتۇراتتى.

ۋاراقلانماق

  • ۋاراقلانماق[يەشمىسى:] «ۋاراقلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئالىم كۆڭلىدە ئۇنىڭ قولىدا شاراقشىپ ۋاراقلىنىۋاتقان لەنىتى ئەرزلەرنىڭ پاتراق ئوقۇلۇپ تۈگىشىنى تىلەيتتى.

ۋاراقلىماقⅠ

  • ۋاراقلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ ھەربىر ۋارىقىنى ئۆرۈمەك، ئاچماق:[مىسال:] مەن خاتىرەمنى ۋاراقلىدىم، ئۇنىڭدىكى ھەربىر سۆز ياشلىقىمنى ئەسلىتەتتى.

ۋاراقلىماقⅡ

  • ۋاراقلىماقⅡ[يەشمىسى:] «ۋاراق-ۋاراق» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق:[مىسال:] قازاندىكى سۇ ۋاراقلاپ قايناۋاتاتتى.

ۋاراقلىق

  • ۋاراقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋارىقى بار؛ ۋاراق كېلىدىغان:[مىسال:] ئون ۋاراقلىق دەپتەر.

ۋاراق-ۋاراق

  • ۋاراق-ۋاراق[يەشمىسى:] «ۋاراقⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قازاندىكى قايناق سۇ ۋاراق-ۋاراق قاينايتتى.

ۋاراق-ۋۇرۇق

  • ۋاراق-ۋۇرۇق[يەشمىسى:] ۋاراق قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

ۋاراڭ

  • ۋاراڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] «ۋاراڭ-چۇرۇڭ»غا قاراڭ.

ۋاراڭ-چۇرۇڭ

  • ۋاراڭ-چۇرۇڭ[يەشمىسى:] جىق كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان تەرتىپسىز گەپ-سۆزلەر، ئاۋازلار:[مىسال:] ھويلىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.

ۋاراڭ-ۋاراڭ

  • ۋاراڭ-ۋاراڭ[يەشمىسى:] «ۋاراڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋاران

  • ۋاران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «ۋاران كەسلەنچۈكى»گە قاراڭ.

ۋاران كەسلەنچۈكى

  • ۋاران كەسلەنچۈكى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۆرەلگۈچى ھايۋان. ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا. دۈمبىسى قارا قوڭۇر، قۇيرۇقى سەل ئۇچلۇق، تۆت پۇتى كۈچلۈك كېلىدۇ. سۇغا يېقىن جايدا ياشايدۇ، ئۇششاق ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، سۇ ئۈزەلەيدۇ ۋە دەرەخكە چىقالايدۇ. تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ.

ۋاررىدە

  • ۋاررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋار» قىلىپ، «ۋار» قىلغان ھالدا:[مىسال:] قىز ئۆزىنى ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ ۋاررىدە يىغلاپ تاشلىدى.

ۋارس

  • ۋارس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق نەرسىلەر سۇنغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋارسىلداتماق

  • ۋارسىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بەزى ئۇستاملار تاڭگازىنى ئېلىپ شۇ زامانلا ۋارسىلدىتىپ يەپ مەززە قىلىشتى.

ۋارسىلدىماق

  • ۋارسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋارس-ۋارس» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق:[مىسال:] ئۆي لىملىرى ۋارسىلداپ سۇنۇشقا باشلىدى.

ۋارقىراپ-جارقىراپ

  • ۋارقىراپ-جارقىراپ[يەشمىسى:] ۋارقىراپ ھەم جارقىراپ؛ قالايمىقان توۋلاپ:[مىسال:] ئۇلار بازارنى چۆرگىلەپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ ھالىدىن كېتىپتۇ.

ۋارقىراتماق

  • ۋارقىراتماق[يەشمىسى:] «ۋارقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنى كەچ ئەلياتقۇغا توغرىلاپ، خەندەك يېنىدىن كېتىۋاتقان چاغدا ۋارقىراتماي بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، خەندەك ئىچىگە تاشلىۋەتتۇق.

ۋارقىراش-جارقىراش

  • ۋارقىراش-جارقىراش[يەشمىسى:] ۋارقىراش ھەم جارقىراش؛ قالايمىقان، ئالىتاغىل توۋلاش:[مىسال:] ۋارقىراش-جارقىراش ئەۋجىگە چىقتى.

ۋارقىراشماق

  • ۋارقىراشماق[يەشمىسى:] «ۋارقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئالىتاغىل ۋارقىرىشىپ جاھاننى بىر ئالدى.

ۋارقىرىغاق

  • ۋارقىرىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا ۋارقىرايدىغان:[مىسال:] بىزنىڭ زاۋۇتىمىزدىمۇ ئۇنداق ۋارقىرىغاقلاردىن يوق دەمسەن

ۋارقىرىماق

  • ۋارقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلىماق:[مىسال:] ئەگەر راستىڭنى ئېيتمىساڭ كاللاڭنى ئالىمەن، دەپ ۋارقىراپتۇ شاھ.

ۋارونكا

  • ۋارونكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق ياكى پاراشوك، دانىچە ھالىتىدىكى نەرسىلەرنى ئاغزى كىچىك قاچا، بوتۇلكا قاتارلىقلارغا قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە بىر دانە كېسىك كونۇس شەكلىدىكى قاچا بىلەن بىر دانە نەيچىدىن تۈزۈلىدۇ.

ۋار-ۋار

  • ۋار-ۋار[يەشمىسى:] «ۋار» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە ۋار-ۋار ۋارقىرايتتى.

ۋار-ۋۇر

  • ۋار-ۋۇر[يەشمىسى:] «ۋار» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] بىزنىڭ تاماشىمىزنى كۆرۈپ تۇرغان بالىلار شۇ ھامان ۋار-ۋۇر ۋارقىراشتى.

ۋارىئاتسىيە

  • ۋارىئاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئاھاڭ شەكلىنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭدا تېما باشتىن-ئاياغ بايان قىلغاندىن كېيىن، باشتىن-ئاياغ يەنە بىرقانچە قېتىم قايتا تەكرارلىنىدۇ، لېكىن ھەر قېتىمقى تەكرارلىنىشلاردا ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. ۋارىئاتسىيە ئوخشاش بولمىغان ئوبرازلارنى بىرلەشتۈرۈپ ياكى بىر ئوبرازنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

ۋارىئاتسىيىلەشتۈرمەك

  • ۋارىئاتسىيىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ۋارىئاتسىيىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋارىئاتسىيىلەشمەك

  • ۋارىئاتسىيىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقا بىر تۈرگە، نۇسخىغا، شەكىلگە كەلمەك، ئۆزگەرمەك.

ۋارىئاتسىيىلىك

  • ۋارىئاتسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزگىرىشچان، ئۆزگىرىدىغان:[مىسال:] ۋارىئاتسىيىلىك ئۇسسۇل.

ۋارىس

  • ۋارىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان شەخس، مىراسخور.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ئىزىنى باسقۇچى، ئىزباسار:[مىسال:] سەن ئەسلىدە ئابنۇس ئارىلىنىڭ ئىگىسى، شاھ ئارمانۇسنىڭ ۋارىسى ئىدىڭ.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ۋارىسچانلىق

  • ۋارىسچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋارىسلىق قىلىش خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] توي مۇراسىمىنىڭ شەكلى ۋە قائىدە-يوسۇنى ئەڭ مۇستەھكەم بولۇپ، ۋارىسچانلىقى ئەڭ ئۇزۇندۇر.

ۋارىسلىق

  • ۋارىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مىراسخورلۇق، مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگىلىك. [يەشمىسى:] ② ئىز باسارلىق:[مىسال:] ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

ۋارىنە

  • ۋارىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مېۋىلەرنى شېكەر قىيامى بىلەن قاينىتىپ تەييارلايدىغان بىر خىل شېرىن يېمەكلىك؛ مۇراببا:[مىسال:] ۋارىنە قايناتماق. ئەنجۈر ۋارىنىسى.

ۋارىئومېتىر

  • ۋارىئومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئۆزگىرىشچان ئىندۇكتور.

ۋارى-ۋارى

  • ۋارى-ۋارى[يەشمىسى:] ① ۋارقىراش-جارقىراش:[مىسال:] قانداق تۈگىمەيدىغان ۋارى-ۋارى بۇ[يەشمىسى:] ② جەڭگى-جېدەل:[مىسال:] ئۇ قانداق قىلىدۇ، مېھمان چاقىراي دېسە، خوتۇنىنىڭ ئەھۋالى شۇنداق، تۆت ئادەمنى ئۇزاتقۇچە ۋارى-ۋارى.

ۋارىيانت

  • ۋارىيانت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئەينى بىر فونېما بىرقانچە كونكرېت تاۋۇش ئېلىمېنتى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇ بىرقانچە تاۋۇش ئېلېنمېنتى ئۆزئارا مەنە پەرقلەندۈرۈشمەيدۇ؛ مۇشۇنداق تاۋۇشلار فونېمىغا نىسبەتەن ۋارىيانت بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② بىر خىل نەرسىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى.

ۋارىيانتلىق

  • ۋارىيانتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋارىيانتى بار، ۋارىيانتقا ئىگە:[مىسال:] «ھىجاز مۇقامى» كۆپ ۋارىيانتلىق بىر خىل تۈركىي نەغمە.

ۋاز

  • ۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جۈملىدە «ۋاز كەچمەك»شەكلىدە كېلىپ تۆۋەندىكىدەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] 1) ئىگىلىك ياكى پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن كەچمەك:[مىسال:] ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراستىن ۋاز كەچتى.[يەشمىسى:] 2) مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىش-ھەرىكەتتىن، ئوي-خىيالدىن يالتايماق، يانماق:[مىسال:] گۈزەلئاي بىلەن ئۇزاق مەسلىھەتلەشتۇق ئاخىر گۈزەلئايمۇ ئوقۇشتىن ۋاز كەچتى. * ئۇ ئىلگىرىكى پىكرىدىن ۋاز كەچتى.[يەشمىسى:] 3) يۈز ئۆرۈمەك، تانماق:[مىسال:] ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ۋاز كېچىپ يىراق يۇرتلارغا كەتتى.

ۋازا

  • ۋازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] مېۋە-چېۋە، قەنت-گېزەك سالىدىغان قاچا:[مىسال:] ئۈستەلدىكى ۋازىدا لىق كەمپۈت بار ئىدى.

ۋازارەت

  • ۋازارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بەزى پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىر باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىك ئاپپاراتى. دەرىجە جەھەتتىن مىنىستىرلىققا تەڭ.

ۋازۇ

  • ۋازۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ۋازۇ مىللىتى، ئۇلار دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ساڭيۈەن، شىمېڭ قاتارلىق جايلىرىغا؛ چەت ئەللەردىن بىرمىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان.

ۋازېلىن

  • ۋازېلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] موم بىلەن مازوت (ئېغىرماي) نىڭ ئارىلاشمىسى، يەنى سۇس سېرىق رەڭلىك يېرىم تىنىق، يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى ماددا. چەككىلەنگەندىن كېيىن، ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. دورىگەرلىكتە سىقما ماي ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ؛ سانائەتتە داتلىشىشتىن ساقلىغۇچى ۋە سۈركىلىشنى ئازايتقۇچى ماي ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ۋاژ

  • ۋاژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چىۋىن، ھەرە قاتارلىقلار بىر يەرگە توپلىشىۋېلىپ ھەرىكەت قىلغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋاژژىدە

  • ۋاژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋاژ» قىلىپ، «ۋاژ» قىلغان ھالدا.

ۋاژ-ۋاژ

  • ۋاژ-ۋاژ[يەشمىسى:] ① «ۋاژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قايناق، قايناپ تۇرغان، قىزىق:[مىسال:] شۇندىن كېيىن بۇ تۆتەيلەن ۋاژ-ۋاژ بازاردىكى ئادەملەر ئارىسىغا كىرىپ كەتتى.

ۋاژ-ۋۇژ

  • ۋاژ-ۋۇژ[يەشمىسى:] «ۋاژ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] يىراقتىكى ۋاژ-ۋۇژلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەريا بويى تىپتىنچ ئىدى.

ۋاژىلداتماق

  • ۋاژىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋاژىلداشماق

  • ۋاژىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋاژىلدىماق

  • ۋاژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاژ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋاژ» قىلماق:[مىسال:] ۋاژىلداپ يامراپ يۈرگەن چىۋىنلەر دەستىدىن جوزىدىكى تائامنىمۇ يېيىشكە كىشىنىڭ كۆڭلى تارتمايتتى.

ۋاس

  • ۋاس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئارغامچا، يىپ قاتارلىقلار ئۈزۈلگەندە ياكى قامچا ئۇرغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋاسا

  • ۋاسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] يەرلىك ئۇسۇلدا ئۆي ياپقاندا جەگىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان توغرا بالداق. لىم ئارىلىقىغا ئۆلچەپ كېسىپ، تەكشىلەپ قويۇلىدۇ.

ۋاسا تاق

  • ۋاسا تاق[يەشمىسى:] بىر ۋاسا پاتقۇدەك ئارىلىق تاشلاپ شالاڭ قويۇلغان ۋاسا.

ۋاسا جۈپ

  • ۋاسا جۈپ[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە يانداشتۇرۇپ ئارىلىق قالدۇرماي سىجىل قويۇلغان ۋاسا:[مىسال:] ئۇ ئۆيىنى ۋاسا جۈپ قىلىپ چىرايلىق يېپىۋالدى.

ۋاسالغۇ

  • ۋاسالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈجمىنىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى، قۇرۇتۇلغان ئۈجمە، ئۈجمە قېقى.

ۋاسسىدە

  • ۋاسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋاس» قىلغان ئاۋازنى چىقىرىپ، «ۋاس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئارغامچا ۋاسسىدە ئۈزۈلۈپ كەتتى.

ۋاسكېتبول

  • ۋاسكېتبول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① توپ تۈرلىرى تەنھەرىكىتىنىڭ بىر تۈرى. بۇنىڭدا توپنى قارشى تەرەپ مۇداپىئە قىلىپ تۇرغان گار ئۈستىدىكى تۆمۈر چەمبىرەككە ئېتىپ كىرگۈزۈپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئېرىشكەن نومۇر سانى كۆپلەر غەلىبە قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② ۋاسكېتبول تەنھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان توپ. تېشى خۇرۇم، كامېرى رېزىنكىدىن قىلىنىدۇ. پۈتۈنلەي رېزىنكىدىن ياسالغان توپلارمۇ بولىدۇ.

ۋاسكېتبولچى

  • ۋاسكېتبولچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى، ۋاسكېتبول ئويناشقا ماھىر كىشى، توپچى.

ۋاس-ۋاس

  • ۋاس-ۋاس[يەشمىسى:] «ۋاس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋاسىتە

  • ۋاسىتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەقسەتكە ئېرىشىش ياكى بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەستەك بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان نەرسە، قورال؛ ئىش-ھەرىكەت قورالى:[مىسال:] تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى. قاتناش ۋاسىتىلىرى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى. * تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسىدۇر. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بىر خىل ماددا ئىچىدە يەنە بىر خىل ماددا مەۋجۇت بولغاندا، ئالدىنقى ماددا كېيىنكى ماددىنىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ. بەزى دولقۇنلۇق ھەرىكەتلەردە، بۇ دولقۇننى تارقىتىدىغان ماددىلار شۇ دولقۇننىڭ ۋاسىتىسى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ پۈتۈشتۈرۈش رولىنى ئويناش:[مىسال:] بىز ساتتار ئاكىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تونوشۇپمۇ قالدۇق.

ۋاسىتىچى

  • ۋاسىتىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى بېجىرىش ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان شەخس؛ ۋەكىل، ئەلچى:[يەشمىسى:] - بۇ ئىشنى ئورۇنداشقا ئۇ ئوتتۇرىدا خالىس ۋ[مىسال:] اسىتىچى بولسۇن، -دېدى قاسىم.

ۋاسىتىچىلىك

  • ۋاسىتىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتتۇرىدا ۋاستىچى بولۇش، ئۆز ئارا تونۇشتۇرغۇچى بولۇش ئىشى:[مىسال:] قەدىمدە بۇ جاي شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك رول ئوينىغان.

ۋاسىتىسىز

  • ۋاسىتىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاسىتىسى يوق؛ بىۋاسىتە، توغرىدىن-توغرا، ئۇدۇل:[مىسال:] مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېزىغا قايتقاندىن كېيىن ماڭا دېھقانلار بىلەن ۋاسىتىسىز كەڭ ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى.

ۋاسىتىلىك

  • ۋاسىتىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاسىتە ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان:[مىسال:] ۋاسىتىلىك تەجرىبە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىنى ۋاسىتە قىلىپ، ۋاسىتە قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئىلغار ئەدىبلەرنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى تارىختا خەلق كۈرىشى بىلەن ۋاسىتىلىك ياكى ۋاسىتىسىز بىر سەپتە تۇرۇپ كەلدى.

ۋاسىدەميان

  • ۋاسىدەميان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ۋاسا+دەم+يان[[يەشمىسى:] ئارىلىق قويۇپ تىزىلغان ۋاسا، ۋاسا تاق.

ۋاسىل

  • ۋاسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ۋاسىل بولماق»قا قاراڭ.

ۋاسىل بولماق

  • ۋاسىل بولماق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئېرىشمەك، يەتمەك:[مىسال:] دېمەك، بۇ مۇددىئامۇ بولدى ھاسىل، ئەگەر قاچسا بولۇشسا يارغا ۋاسىل.

ۋاسىلدىماق

  • ۋاسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاس» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋاس» قىلماق:[مىسال:] كېمە ئارغامچىلىرى ۋاسىلداپ ئۈزۈلۈشكە باشلىدى.

ۋاش

  • ۋاش[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىلەرنىڭ تېز ھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان ئاۋاز.

ۋاشاق

  • ۋاشاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوغاپ ئەتكەندە مۇز چوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تىغلىق ئەسۋاب.

ۋاشاڭ

  • ۋاشاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغۇن-تاۋۇزلار ئۈزۈلۈپ ئاخىرلاشقاندا قوغۇنلۇقتىكى قالدى-قاتتى سويمىلارنى خالىغانچە ئۈزۈپ يىغىشتۇرۇش ئىشى؛ پاساڭ:[مىسال:] ۋاشاڭ بولماق. ۋاشاڭ قىلماق.

ۋاشاڭداتماق

  • ۋاشاڭداتماق[يەشمىسى:] «ۋاشاڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋاشاڭداشماق

  • ۋاشاڭداشماق[يەشمىسى:] «ۋاشاڭدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋاشاڭدالماق

  • ۋاشاڭدالماق[يەشمىسى:] «ۋاشاڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ۋاشاڭدىماق

  • ۋاشاڭدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قوغۇنلۇقتىكى قوغۇن-تاۋۇزلار ئۈزۈلۈپ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قالدى-قاتتى سويمىلارنى خالىغانچە ئۈزمەك، ۋاشاڭ قىلماق:[مىسال:] قوشنىمىزنىڭ قوغۇنلۇقىنى ۋاشاڭداپ بىر قاپ سويما تاپتىم.

ۋاشات

  • ۋاشات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت. غەم، ئەندىشە.[مىسال:]

ۋاش-ۋاش

  • ۋاش-ۋاش[يەشمىسى:] «ۋاش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] شىۋىرغان ھۆركىرىمەكتە. باغ دېرىزىسىدىن ھېلىدىن-ھېلىغا ۋاش-ۋاش قىلغان ئاچچىق ئاۋاز كېلىپ تۇرىدۇ.

ۋاش-ۋۇش

  • ۋاش-ۋۇش[يەشمىسى:] «ۋاش» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئەتراپ جىمجىت ئىدى. پەقەت 50 60 مېتىر يىراقلىقتا ئوتلاۋاتقان ئاتلارنىڭ ۋاش-ۋۇش قىلغان ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ۋاشىلداتماق

  • ۋاشىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋاشىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كامىلجان قوش چىشلىق ساپاننى راسا ۋاشىلدىتىپ ھەيدەۋاتاتتى.

ۋاشىلداشماق

  • ۋاشىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋاشىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋاشىلدىماق

  • ۋاشىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاش-ۋاش» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋاش-ۋاش» قىلماق:[يەشمىسى:] سادىقنىڭ تومۇرىدىكى قان ۋاشىلداپ ئۆركەشلىمەكتە، نەپىسى قىسىلماقتا.

ۋاغجىر

  • ۋاغجىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۈدۈر، بۇجۇغۇر.

ۋاقⅠ

  • ۋاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېچىككەن، ۋاقتىدىن ئۆتكەن؛ ۋاقىت جەھەتتىن كېيىن:[مىسال:] ۋاق بولماق. ۋاق قالماق.

ۋاقⅡ

  • ۋاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① تاياق ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن باشقا نەرسىلەرنى ئۇرغاندا چىققان ئاۋاز. [يەشمىسى:] ② كەكلىك، مېكىيان قاتارلىقلار سايرىغاندا چىقارغان ئاۋاز.

ۋاقاقلاتماق

  • ۋاقاقلاتماق[يەشمىسى:] «ۋاقاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋاقاقلاشماق

  • ۋاقاقلاشماق[يەشمىسى:] «ۋاقاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تۇيۇقسىز كاتەكتىكى توخۇلار ۋاقاقلىشىپ كەتتى.

ۋاقاقلىماق

  • ۋاقاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاق-ۋاق» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋاق-ۋاق» قىلماق:[مىسال:] قەپەستىكى كەكلىكلەر بىر-بىرىگە قاراپ ۋاقاقلاپ سايراپ كەتتى.

ۋاقتانىۋاق

  • ۋاقتانىۋاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاقىت، پۇرسەت، پەيت:[مىسال:] ۋاقتانىۋاق كەلگەندە، بىزگە خىيانەت قىلىپ، مېنىڭ بېشىمنىمۇ بىراۋغا سېتىشى چوقۇم.

ۋاقتىدا

  • ۋاقتىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] شۇ ۋاقىت، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە، ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي:[مىسال:] بولار ئىش بولدى، ئەمدى ۋاقتىدا كۆمۈۋېتىڭلار، پۇراپ كەتمىگەي يەنە، دېدى تۆمۈر خەلپە ئاتقا مىنىۋېتىپ.

ۋاقتى-سائىتى

  • ۋاقتى-سائىتى[يەشمىسى:] پۇرسىتى، پەيتى، ۋاقتى:[مىسال:] كۆپ ئۆتمەي شاھ مەلىكىسى ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقتى-سائىتى يەتكەندە بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ.

ۋاقتى-قەرەلى

  • ۋاقتى-قەرەلى[يەشمىسى:] «ۋاقتى-سائىتى»گە قاراڭ:[مىسال:] بارىمەن دېسە بارىۋەرسۇن، ۋاقتى-قەرەلى كەلگەندە ئۆزۈم بېرىپ قايتۇرۇپ كېلەرمەن، - دېدى ئۇ.

ۋاقتىنچە

  • ۋاقتىنچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرمەزگىل، ۋاقىتلىق، ھازىرچە:[مىسال:] ئۇلار بۇ تەدبىرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ۋاقتىنچە كەينىگە كېچىكتۈردى.

ۋاقتى-ۋاقتىدا

  • ۋاقتى-ۋاقتىدا[يەشمىسى:] پات-پات، ئۆز ۋاقتىدا:[مىسال:] بىز خىزمەتلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرىشىمىز لازىم.

ۋاقچە

  • ۋاقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كېيىن، ئالدىرىماي:[مىسال:] ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھۇرۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ (ماقال).

ۋاققىدە

  • ۋاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋاق» قىلىپ، «ۋاق» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ جوزىغا ۋاققىدە بىرنى ئۇرۇپ چېچىلىپ سۆزلەپ كەتتى.

ۋاقلىق

  • ۋاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دەل ۋاقتىدىن كېيىنرەك، ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ، كېچىكىپ، كېچىكتۈرۈپ:[مىسال:] ئىشقا ۋاقلىق بارماق. ۋاقلىق كەلمەك. * بىز بۈگۈن ئەتىگەنلىك تاماقنى ۋاقلىق يېدۇق.

ۋاق-ۋاق

  • ۋاق-ۋاق[يەشمىسى:] «ۋاقⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ ۋاق-ۋاق قىلىپ يۇڭ ساۋاۋاتاتتى.

ۋاق-ۋۇق

  • ۋاق-ۋۇق[يەشمىسى:] «ۋاق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئۇلار«تېز بولۇڭلار، تارتىڭلار» دەپ، كەينىدىن ئىتتىرىپ، ۋاق-ۋۇق ئۇرۇپ ھەيدىشىپ كېتەتتى.

ۋاقىپ

  • ۋاقىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بولۇپ ئۆتكەن ياكى بولىدىغان ۋەقە-ھادىسىدىن، مەخپىي نەرسە، سىر قاتارلىقلاردىن خەۋىرى بولغان؛ خەۋەردار:[مىسال:] ھاتەم خەتنى ئېلىپ ئېچىپ ئوقۇپ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدى.

ۋاقىپلاندۇرماق

  • ۋاقىپلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ۋاقىپلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مامۇت تامغا مىخلانغان چېرتيوژ بىلەن كۆپچىلىكنى ۋاقىپلاندۇردى.

ۋاقىپلانماق

  • ۋاقىپلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەۋەر تاپماق، خەۋەردار بولماق، خەۋەرلەنمەك:[مىسال:] ئاق كۆڭۈل ئايال بۇنىڭدىن ۋاقىپلىنىپ، كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۆكسۈپ يىغلاپتۇ.

ۋاقىت

  • ۋاقىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① زاماننىڭ ئەسىرلەر، يىللار، سائەتلەر، مىنۇتلار ۋە شۇ قاتارلىقلار بىلەن ئۆلچەنگەن بۆلىكى؛ چاغ. [يەشمىسى:] ② ئوبيېكتىپ ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ زاماندا قانچىلىك داۋام ئېتىپ تۇرۇشىنى بىلدۈرىدىغان بۆلىكى.[يەشمىسى:] ③ بىر جاينىڭ ئۆزىگە خاس زامان ئۆلچىمى:[مىسال:] ئۈرۈمچى ۋاقتى. بېيجىڭ ۋاقتى.[يەشمىسى:] ④ يىل، ئاي، كۈن ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بەلگىلىك پەيتى، كەز:[مىسال:] ياز ۋاقتى. قىش ۋاقتى. سوغ ۋاقتى.[يەشمىسى:] ⑤ پەيت، پۇرسەت:[مىسال:] ھازىر مېنىڭ ۋاقتىم يوق. * ۋاقتىڭ بولسا كېلىپ ئولتۇرۇپ كەت.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر ئىش، ۋەقە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلار سادىر بولىدىغان ياكى بولغان پۇرسەت ئارىلىقى، مەزگىل:[مىسال:] تاماق ۋاقتى. ئىنقىلاب ۋاقتى. خىزمەت ۋاقتى.[يەشمىسى:] ⑦ مەلۇم مۇددەت:[مىسال:] پاسپورتنىڭ تېخى ۋاقتى بار.[يەشمىسى:] ⑧ [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دەۋا سۇبيېكتى ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى بىرلىكتە دەۋا پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ۋاقىتسىز

  • ۋاقىتسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋاقتى بولماي، ۋاقتىدىن بۇرۇن؛ بىمەھەل:[مىسال:] ۋاقىتسىز خازان بولماق. * ۋاقىتسىز كېلىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭلار

ۋاقىتلىق

  • ۋاقىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر مەزگىللىك:[مىسال:] پەقەت غەرب تەرەپتىكى قەشقەر دەرۋازىسىلا قېچىشقا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ۋاقىتلىق غورۇلاپ قويۇلغانىدى.[يەشمىسى:] ② رەسمىي ئەمەس، رەسمىيلەشمىگەن:[مىسال:] ۋاقىتلىق ئىشچى.

ۋاقىلداتماق

  • ۋاقىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئېتىلىپ بېرىپ ئوچاق بېشىدىن كۆسەينى ئالدى-دە، روزىنى ۋاقىلدىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدى.

ۋاقىلداشماق

  • ۋاقىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋاقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋاقىلدىماق

  • ۋاقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاق-ۋاق» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋاق-ۋاق» قىلماق.

ۋاقىئىي

  • ۋاقىئىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن؛ ھەقىقىي، چىن، رېئال:[مىسال:] ۋاقىئىي ھېكايە. ۋاقىئىي نىكاھ.

ۋاك

  • ۋاك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بەزى نەرسىلەرنىڭ يىمىرىلىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] پىچاقنى سېلىشىم بىلەنلا قوغۇن «ۋاك» قىلىپ يېرىلىپ كەتتى.

ۋاك دېمەك

  • ۋاك دېمەك[يەشمىسى:] يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرمەك؛ بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكىنى ئىقرار قىلماق:[مىسال:] ئۇ بىردەم ئېلىشىپ، ئاخىرى ۋاك دېدى.

ۋاكالەت

  • ۋاكالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شەخس، تەشكىلات، دۆلەت ئورگانلىرى قاتارلىقلار نامىدىن ئىش قىلىش، ۋەكىللىك ھوقۇقى:[مىسال:] ھاي، مۇسۇلمانلار مەن يۇرتنىڭ ئاتىسى چىڭ گاڭ غوجام ھەزرەتلىرىنىڭ ۋاكالەتلىرى بىلەن سىزلەردىن ئەھۋال سوراپ كەلدىم.

ۋاكالەتچى

  • ۋاكالەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر شەخسكە، تەشكىلاتقا ياكى دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچى ئادەم:[مىسال:] ئۇ ئويۇن-تاماشىغا شۇنچىلىك ئامراق ئىدىكى، شەھەردىكى ئۈچ دۇكىنىنى ۋاكالەتچىگە، ئۆيۋاقىنى سېيىتقا تاشلاپ قويۇپلا ئىككى-ئۈچ كۈنلەپ چىقىپمۇ كېتەتتى. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دەۋالاشقۇچىنىڭ نامىدا، دەۋالاشقۇچىغا ۋاكالىتەن مەلۇم خىلدىكى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى.

ۋاكالەتچىلىك

  • ۋاكالەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاكالەتلىك قىلىش ئىشى:[مىسال:] خەلق ئارىسىدا يەنە بىر خىل «ۋاكالەتچىلىك سودا» شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋاكالەتچى سودىگەر مەلۇم دەسمايە سېلىپ يېزا-قىشلاقلار تۇرمۇشىغا لازىملىق بولغان چەرچىنماللارنى سودىگەرلەردىن ئارىيەت ئېلىپ دۇكان ئاچىدۇ.

ۋاكالەتخانا

  • ۋاكالەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتتە تەسىس قىلغان ۋە شۇ دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىدىغان ئورۇن:[مىسال:] مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ماكىدونىيىنىڭ ئالبانىيىدىكى ۋاكالەتخانىسى ۋاقتىنچە تاقىۋېتىلدى.

ۋاكالەتلىك

  • ۋاكالەتلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەكىللىك، ۋەكىل بولۇش؛ كېپىللىك:[مىسال:] ۋاكەلەتلىك قىلماق.* بۇلارنىڭ ھەربىرى بىردىن ئاھاڭنىڭ ئىسمىگە ۋاكالەتلىك قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىدىغان، ۋەكىللىك قىلىدىغان:[مىسال:] ۋاكالەتلىك ئورگان.

ۋاكالەتنامە

  • ۋاكالەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ۋەكىللىك ھوقۇقىنى ئىسپاتلىغۇچى ھۆججەت.

ۋاكالىتەن

  • ۋاكالىتەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئورنىدا، باشقىلارغا ۋەكىل بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بويىچە:[مىسال:] ۋاكالىتەن ئىشلىمەك. ۋاكالىتەن باشقۇرماق. * مەن قادىرغا ۋاكالىتەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ۋاكسىنا

  • ۋاكسىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئورگانىزمدا ئىممونىتېت كۈچىنى ھاسىل قىلالايدىغان باكتېرىيىلىك ياسالما. ئۇنى ئادەم ۋە ھايۋانلارغا ئىشلەتكەندە ئۇلاردا ئىممونىتېتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئالاقىدار يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ۋاككىدە

  • ۋاككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋاك» قىلىپ، «ۋاك» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ قوغۇن پىشقاندا، چۆنەكلەرنى ئارىلاپ قوغۇننىڭ ۋاككىدە قىلىپ ئېتىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەتتى.

ۋاكۇئۇل

  • ۋاكۇئۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھۈجەيرە ماددىسى ئىچىدىكى كۆپۈكسىمان تۈزۈلمە. ئۇ ئەتراپىدىكى نېپىز پەردىسى ئارقىلىق ھۈجەيرە ماددىسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ۋاكۇئۇللارنىڭ ئىچىدە سۇيۇق ماددىلار بولىدۇ.

ۋاكۇئۇم

  • ۋاكۇئۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① ھاۋا يوق ياكى ناھايىتى ئاز ھاۋا بولغان ھالەت. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ھالەتتىكى بوشلۇق.

ۋاكۇئۇم پومپىسى

  • ۋاكۇئۇم پومپىسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ھىم قاچا ئىچىدىكى گازنى مېخانىكىلىق، فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك ياكى فىزوخىمىيىلىك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ تارتىپ چىقىرىپ، قاچا ئىچىنى ۋاكۇئۇمغا ئايلاندۇرىدىغان ئۈسكۈنە.

ۋاكۇئۇممېتىر

  • ۋاكۇئۇممېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] گازلارنىڭ بىر ئاتمۇسفېرا بېسىمىدىن كىچىك بېسىمىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. مۇتلەق ۋاكۇئۇممېتىر ۋە نىسپىي ۋاكۇممېتىر دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

ۋاگون

  • ۋاگون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ① پويىزنىڭ ئادەم ۋە يۈك توشۇش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ھەربىر بۆلىكى.[يەشمىسى:] ② ئىش ئورنى، كان رايونى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل توشۇش ئۈسكۈنىسى. شەكلى ۋارونكىغا ئوخشايدۇ، ئاستىدا چاقلىرى بولىدۇ. ئادەتتە رېلىس ئۈستىدە ماڭىدۇ.

ۋاگونچاق

  • ۋاگونچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك ۋاگون.[يەشمىسى:] ② ئەمگەك مەيدانى ۋە كانلاردا ئىشلىتىلىدىغان توشۇش قورالى. ياسىلىشى تراپېتسىيە شەكىللىك بولۇپ ئاستىدا چاقلىرى بار، رېلىس ئۈستىدە ماڭىدۇ.

ۋاگونچى

  • ۋاگونچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاگوننى باشقۇرىدىغان ۋە ھەيدەيدىغان ئادەم.

ۋاگونلاپ

  • ۋاگونلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋاگونغا قاچىلاپ، ۋاگونغا تولدۇرۇپ بېسىپ، ۋاگونغا تولدۇرۇپ:[مىسال:] نېفىتنى ۋاگونلاپ توشۇماق.

ۋاگونلۇق

  • ۋاگونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاگونى بار، ۋاگون چېتىلغان:[مىسال:] ئەگەر تۆمۈر يولدىن زاۋۇت تەرەپكە ئوچۇق ۋاگونلۇق پاراۋۇز ئۆتسە، ئوقنى ئالغان بولىدۇ.

ۋاڭⅠ

  • ۋاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئېتىلىشى، يېرىلىشى، پارتلىشى ۋە تۇيۇقسىز تېگىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] مىلتىق «ۋاڭ» قىلىپ ئېتىلدى. * «ۋاڭ» قىلىپ بازغاندەك تەگكەن بىر مۇشت بىلەن تەڭ باي ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا گۈپ قىلىپ ئۇچۇپ چۈشتى.

ۋاڭⅡ

  • ۋاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمىدىكى يۇقىرى مەنسەپ نامى ۋە شۇ مەنسەپكە ئىگە بولغان كىشى. بۇ مەنسەپ خان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. خان، پادىشاھ.

ۋاڭ-چۇڭ

  • ۋاڭ-چۇڭ[يەشمىسى:] قالايمىقان، ئېگىز-پەس ئاۋازلار:[مىسال:] نىجاتنىڭ سۆزى قاقاھلاپ كۈلگەن كۆپچىلىكنىڭ ۋاڭ-چۇڭى بىلەن بۆلۈنۈپ كەتتى.

ۋاڭشىتماق

  • ۋاڭشىتماق[يەشمىسى:] «ۋاڭشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دەريا تەرەپتە بىر قانچەيلەن سۇ چاقپەلىكىنى ۋاڭشىتىپ ئۇرۇپ چاقماقتا ئىدى.

ۋاڭشىغاق

  • ۋاڭشىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا ۋاڭشىيدىغان، ۋاڭ-ۋاڭ قىلغان ئاۋازنى چىقىرىدىغان.

ۋاڭشىماق

  • ۋاڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاڭ-ۋاڭ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق:[مىسال:] ئارقا-ئارقىدىن ۋاڭشىپ ئېتىلغان مىلتىق ئاۋازلىرى كەينىمىزدىكى تاغ جىلغىلىرىدا كۈچلۈك ئەكس سادا قوزغاپ قالدى.

ۋاڭڭىدە

  • ۋاڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋاڭ قىلىپ، ۋاڭ قىلغان ھالدا.

ۋاڭلىق

  • ۋاڭلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر تۈزۈمدىكى ھاكىمىيەت، خانلىق:[مىسال:] ھازىر پەرىدۇن بەگنىڭ ۋەلىئەھدىسى يوق، دەپ ئوردىدا ۋاڭلىقنى تالىشىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاڭلارغا خاس؛ ۋاڭنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى، ۋاڭغا تەۋە:[مىسال:] ۋاڭلىق تۈزۈم. ۋاڭلىق يەر.

ۋاڭ-ۋاڭ

  • ۋاڭ-ۋاڭ[يەشمىسى:] «ۋاڭⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋاڭ-ۋۇڭ

  • ۋاڭ-ۋۇڭ[يەشمىسى:] ۋاڭ قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

ۋاڭىلداتماق

  • ۋاڭىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋاڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋاڭىلداشماق

  • ۋاڭىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋاڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋاڭىلدىماق

  • ۋاڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاڭ-ۋاڭ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋاڭ-ۋاڭ» قىلماق:[مىسال:] ئېگىز تۇرخۇن جىيەك تارتقان كۆك يۈزىگە، سېخلار ئارا ماتۇر ئۈنى ۋاڭىلدايدۇ.

ۋال

  • ۋال[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئوت، چىراغ قاتارلىقلارنىڭ بىردىنلا يېنىش، چاقناش ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھاۋا گۈلدۈرلەپ «ۋال» قىلىپ چاقماق چاقتى.

ۋالاق

  • ۋالاق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاپاق ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەردىن سۇ تۆكۈلگەندە ياكى سۆزلىگەن ۋە كۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋالاقتەگكۈر

  • ۋالاقتەگكۈر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ۋالاق+تەگكۈر[[يەشمىسى:] ئادەمگە خۇشياقمايدىغان گەپلەرنى تولا قىلىدىغان، تولا سۆزلەيدىغان:[مىسال:] گەپ قىلسا ۋالاقتەگكۈر دەيدۇ، گەپ قىلمىسا مۆرىمەس دەيدۇ (ماقال).

ۋالاقتەگكۈرلۈك

  • ۋالاقتەگكۈرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا سۆزلەش ئادىتى:[مىسال:] مۇھەببەت ماجىراسىدا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان كىشى يامان ئاتلىق بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاستىراق سۆزلىشى ۋە ۋالاقتەگكۈرلۈك قىلماسلىقى كېرەك.

ۋالاققىدە

  • ۋالاققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋالاق قىلىپ، ۋالاق قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ:[مىسال:] سۇنى ۋالاققىدە تۆكمەك.

ۋالاقلاتماق

  • ۋالاقلاتماق[يەشمىسى:] «ۋالاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ماتورلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ساتتارغا تۈن بويى ئارام بەرمەيدۇ. خوتۇنىنى ئويغىتىۋېتىپ ۋالاقلىتىدۇ.

ۋالاقلاشماق

  • ۋالاقلاشماق[يەشمىسى:] «ۋالاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تولا ۋالاقلاشماي، ھارۋاڭنى ھەيدەش، دېدى ئاتلىق چېرىك زەردە بىلەن.

ۋالاقلىماق

  • ۋالاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جىق سۆزلىمەك، گەپ ساتماق:[مىسال:] ئۇ يېڭى دەۋرنى كونا دەۋرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش، تۈزۈملەرنى باشقىدىن تىكلەش توغرۇلۇق ئۇزاق ۋالاقلىدى.

ۋالاق-ۋالاق

  • ۋالاق-ۋالاق[يەشمىسى:] «ۋالاق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋالاق-ۋۇلۇق

  • ۋالاق-ۋۇلۇق[يەشمىسى:] «ۋالاق» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئۇ زۆھرەمنى تىللاپ، چېچىدىن تۇتۇۋېلىپ ۋالاق-ۋۇلۇق ئۇرۇۋەتتى.

ۋالەك

  • ۋالەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىچىك تۇلۇق، تۇلۇقچە.

ۋالتورنا

  • ۋالتورنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مىس بىلەن ياسالغان يەللىك چالغۇ ئەسۋابى، ۋالتورنىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ھازىرقى دۇخوۋوي ئوركېستىر ۋە ھەربىي ئوركېستىرلاردا كۆپىنچە F كۈيلۈك، 4 تەپكىلىك يېڭىچە ۋالتورنىلار ئىشلىتىلىدۇ.

ۋاللاھۇئەلەم

  • ۋاللاھۇئەلەم[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «خۇدا بىلىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] ۋاللاھۇئەلەم، شۇ تەرەپلەردە ئېغىر شەرئى خىلاپ گۇناھلىق ئىشلار بولۇۋاتسا كېرەك.

ۋاللىدە

  • ۋاللىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋال» قىلىپ، «ۋال» قىلغان ھالدا:[مىسال:] بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى.

ۋال-ۋال

  • ۋال-ۋال[يەشمىسى:] «ۋال» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋال-ۋۇل

  • ۋال-ۋۇل[يەشمىسى:] «ۋال» قىلىپ يورۇش، چاقناش ھالىتى:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا، كوچىدا ۋال-ۋۇل قىلىپ يېقىلغان قول چىراغلىرىنىڭ نۇرى چاقناپ كەتتى.

ۋالېنت

  • ۋالېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئېلېمېنتنىڭ بىر ئاتومى بەلگىلىك ساندىكى ھىدروگېن ئاتومى (ھەرقانداق بىر خىل بىر ۋالېنتلىق ئېلېمېنتنىڭ ئاتومى) بىلەن بىرىكىدۇ، ياكى بەلگىلىك ساندىكى ھىدروگېن ئاتومى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ، بۇ سان شۇ ئېلېمېنتنىڭ ۋالېنتى بولىدۇ. مەسىلەن، ھىدروخلوردىكى بىر خلور ئاتومىنىڭ ۋالېنتى بىر. بىر خىل ئېلېمېنت بىر خىل ياكى بىرقانچە خىل ۋالېنتلىققا ئىگە، مەسىلەن، گۈڭگۈرت ئىككى، تۆت ۋە ئالتە ۋالېنتلىق بولىدۇ.

ۋالېنتلىق

  • ۋالېنتلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇئەييەن ۋالېنت خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئىككى ۋالېنتلىق خىمىيىۋى ئېلېمېنت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئېلېمېنت ئاتومىنىڭ باشقا ئېلېمېنت ئاتوملىرى بىلەن بىرىكىش قابىلىيىتى.

ۋالىبول

  • ۋالىبول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئېنگ[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① توپ تۈرلىرى تەنھەرىكىتىنىڭ بىرى. مەيدانى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك، ئوتتۇرىغا ئېگىز سېتكا ئېسىلغان. بۇنىڭدا مۇسابىقە قىلغۇچى ئىككى تەرەپ (ھەر تەرەپتە، ئالتە ئادەمدىن بولىدۇ) مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، توپنى قولى بىلەن ئۇرۇپ سېتكىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈپ ئوينىشىدۇ.[يەشمىسى:] ② ۋالىبول تەنھەرىكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان توپ. تېشى كالا خۇرۇمى ياكى سۈنئىي خۇرۇمدا ياسالغان، كامېرى رېزىنكە، چوڭلۇقى پۇتبولغا ئوخشايدۇ.

ۋالىبولچى

  • ۋالىبولچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋالىبول ئوينايدىغان تەنھەرىكەتچى:[مىسال:] ئىمتىھان تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۇنىڭ ۋالىبولچى بولۇش ئارزۇسىغا يول ئېچىپ بەرگەندەك بولدى.

ۋالىك

  • ۋالىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھارۋىغا قوشۇلغان يان ئاتنىڭ توشۇڭىدىن ھارۋىنىڭ گەۋدىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بېشى بەلدەكلىك ياغاچ.

ۋالىس

  • ۋالىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ① ئاۋسترىيە خەلق ئۇسسۇلىدىن كېلىپ چىقىپ تەرەققىي قىلغان تانسا-ئۇسسۇل مۇزىكىسى. ئۇدارى [SX(]3[]4[SX)]لىك بولۇپ، رىتىمى يېنىك، تېز، مېلودىيىسى راۋان كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل مۇزىكىغا ئوينىلىدىغان تانسا.

ۋالىلداتماق

  • ۋالىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋالىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قولىدىكى ئەينەك پارچىسىنى كۈن نۇرىدا ۋالىلدىتىپ ئويناۋاتاتتى.

ۋالىلدىماق

  • ۋالىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋال-ۋال» قىلماق، «ۋال-ۋال» قىلىپ نۇر چاچماق:[مىسال:] ئۇ ئۇيغىنىپ كۆزىنى ئاچتى-دە، چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۇيقۇلۇق كۆزلىرى ۋالىلدىغان قولچىراغ شولىلىرىنى كۆرگەنىدى.

ۋالىۋاش

  • ۋالىۋاش[يەشمىسى:] [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① .[يەشمىسى:] قالايمىقان. [يەشمىسى:] ② ئىسىم. ئالدىراش.

ۋالىي

  • ۋالىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋىلايەت باشلىقى.

ۋالىيلىق

  • ۋالىيلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋالىيلاردا بولىدىغان، ۋالىيلارغا خاس:[مىسال:] ئۇنىڭ ۋالىيلىق ئىمتىيازى ئاجىزلىشىپ، قۇرۇق جازا ۋە ھوقۇقسىز قورچاق ئەمەلدار بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋالىيغا يۈكلەنگەن ئەمەل، ۋەزىپە:[مىسال:] ۋالىيلىق قىلماق.

ۋانادىي

  • ۋانادىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى(Vanadium)V. كۈمۈشتەك ئاپئاق، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ئاسان ئوكسىدلانمايدۇ. ۋانادىي بىلەن پولاتنىڭ قېتىشمىسى ۋانادىيلىق پولات دېيىلىدۇ، سانائەتتە قوللىنىلىشى ناھايىتى كەڭ.

ۋانكومىتسىن

  • ۋانكومىتسىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئانتىبىئوتىكلارنىڭ بىر خىلى. كۆ[يەشمىسى:] پ ئىشلىتىلىدىغانلىرى ۋانكومىتسىننىڭ خلورىد كىسلاتا تۇزلىرى بولۇپ، قوڭۇر رەڭلىك، پاراشوك ھالىتىدە كېلىدۇ. ئادەتتە باشقا ئانتىبىئوتىكلارنىڭ دورىغا قارشى خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىلىرىنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

ۋاننا

  • ۋاننا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① يۇيۇنۇش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان چوڭ، ئۇزۇن داس:[مىسال:] ۋاننىدا يۇيۇنماق. مۇنچىغا ۋاننا بېكىتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەدەننى سۇ ھاۋا ياكى ئاپتاپ تەسىرىدىن بەھرىمەن قىلىش يولى بىلەن داۋالاش:[مىسال:] قۇياش ۋاننىسى. ھاۋا ۋاننىسى.

ۋاننىلىق

  • ۋاننىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋاننىسى بار، ۋاننا ئورنىتىلغان:[مىسال:] ۋاننىلىق ئۆي.

ۋانىل

  • ۋانىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① تۈلكىمايىقى ئائىلىسىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىدىن چىقىدۇ. مېۋىسىدىن چەككىلەپ ئېلىنغان پۇراقلىق ماتېرىيالنى ماروژنىغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ۋانىلىن

  • ۋانىلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>ئىسپانچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مۇئەتتەرنىڭ بىر خىلى. مەلۇم ئۆسۈملۈكلەر تەركىبىدە ساقلىنىدۇ. ھازىر كۆپىنچە سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈش يولى بىلەن ئىشلىنىدۇ. ئادەتتە پەرداز بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكلەرگە ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

ۋاھ

  • ۋاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ مەلۇم نەرسىلەرنى بەكمۇ ياقتۇرۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاھ، ناھايىتى ياخشى ئىش ئىكەن بۇ. * ۋاھ، تازا لايىق كەلدى.

ۋاھابىلار

  • ۋاھابىلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] سۇننىي مەزھىپى ئىچىدىكى بىر مەزھەپ. قۇرغۇچىسى مۇھەممەد بىننى ئابدۇلۋاھاب. بۇ مەزھەپ ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رەسمىي مەزھىپى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سىرتىغا تارقالمىغان. ھەنبەلىلىلەرنىڭ 5 تىن 4 قىسمى ۋاھابىلاردۇر.

ۋاھە

  • ۋاھە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] چۆل ۋە يېرىم چۆللەردىكى دەرەخ ئۆسۈملۈكلەر رايونى، تۇزسىز سۇ بىلەن سۇغىرىلىدىغان جايلار.

ۋاھ-ۋاھ

  • ۋاھ-ۋاھ[يەشمىسى:] «ۋاھ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ۋاھ-ۋاھ نېمىدېگەن گۈزەل جاي بۇ

ۋائىز

  • ۋائىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي مەزمۇندا ۋەز ئېيتقۇچى، ۋەزخان. [يەشمىسى:] ② نەسىھەت يۈزىسىدىن تەشۋىق-تەرغىبات ئېلىپ بارغۇچى، نۇتۇق سۆزلىگۈچى كىشى؛ ناتىق.

ۋائىزلىق

  • ۋائىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دىنىي مەزمۇندا ۋەز ئېيتىش، ۋەزخانىلىق:[مىسال:] ئۇ ۋائىزلىقتا ۋايىغا يەتكەن مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئىدى.

ۋاي

  • ۋاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ قاقشاش، ھەسرەتلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي دوستۇم، ئۇ كۈنلەردە مۇنداق ئىشلار كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەن.[يەشمىسى:] ② قاراتما سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، جىملەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي سادەتخان ئەمدى كەلدىڭىزمۇ سازچىلار سىزدىن رەنجىشتى.[يەشمىسى:] ③ ئوڭايسىزلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي ئەپەندىم، بۇ نېمە قىلغانلىرى.[يەشمىسى:] ④ جىددىيلىشىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي، ئۇلار كېلىپ قالدى چاپسان بولۇڭلار.[يەشمىسى:] ⑤ ئاغرىش ئىماسىنى بىلدۈرۈپ، ئاغرىغان ئەزانى بىلدۈرىدىغان سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ۋاي قولۇم قولۇمنى دەسسىۋالدىڭ.[يەشمىسى:] ⑥ ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن يىغلىغاندا شۇ كىشىنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىپ يىغىنى كۈچەيتىدۇ:[مىسال:] تۇيۇقسىز يان ھويلىدىن ۋاي ئاتام، ۋاي قېرىندىشىم دېگەن يىغا ئاۋازى چىقتى.

ۋاي ئاتام

  • ۋاي ئاتام[يەشمىسى:] ① باش قېتىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي ئاتام، مۇنچە كۆپ ئادەمنى نەگە پاتقۇزارمىز.[يەشمىسى:] ② ئەجەبلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي ئاتام، نېمانداق قاراڭغۇ ئۆي بۇ.

ۋاي ئاللا

  • ۋاي ئاللا[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتىن ھەيران قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھېلىقى ئەر-خوتۇن قورقۇپ كېتىپ ۋاي ئاللا، بۇ نېمە كارامەت، دەپ ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقتى.

ۋاي ئاللىيەي

  • ۋاي ئاللىيەي[يەشمىسى:] «ۋاي ئاللا»غا قاراڭ:[مىسال:] ۋاي ئاللىيەي، دېسىڭىزا، قايسى ھېلىقى

ۋاي ئانام

  • ۋاي ئانام[يەشمىسى:] «ۋاي ئاتام»غا قاراڭ:[مىسال:] - ۋاي ئانام، بۇ جۇۋاينىمەككە بولۇپ بەردىمۇ نېمە، -دېدى گۈلبوستان.

ۋاي تېخى

  • ۋاي تېخى[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە، سۆزگە ئانچە ئىشەنمەسلىكنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] -ۋاي تېخى، ئۇستىلىق دېگەن مانا، -دېدى غۇنچەم جاۋابەن.

ۋاي خۇدايىمەي

  • ۋاي خۇدايىمەي[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەتتىن ئەنسىرەشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي خۇدايىمەي، ئەمدى قانداق قىلارمەن[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشتىن، نەرسىدىن ھەيران قېلىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي خۇدايىمەي، كىچىكلا قىزغۇ بۇ، كەل سىڭلىم ساڭا نېمە بولدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشقا، نەرسىگە پىسەنت قىلماسلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي خۇدايىمەي، پۇل كەتسە كەتمەمدۇ.

ۋاي دېمەك

  • ۋاي دېمەك[يەشمىسى:] چوڭ كۆرمەك، ئەتىۋارلىماق:[مىسال:] ۋاي دەپ قويساق ئەجەب ئۆزىنى كۆرسەتتى بۇ ئاداش.

ۋاي سالماق

  • ۋاي سالماق[يەشمىسى:] ۋايەي، ۋايجان دەپ قاقشىماق، داد-پەرياد قىلماق:[مىسال:] باھارخان كىچىككىنە قىزنىڭ ۋاي سالغىنىغا قارىماي، ئۇنىڭ يېرىلغان پۇتلىرىنى چىراغ يېغى بىلەن داغلاۋاتقانىدى.

ۋاي قوۋۇرغام

  • ۋاي قوۋۇرغام[يەشمىسى:] بىركىمنى مەنسىتمەسلىك، مازاق قىلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي قوۋۇرغام، تېخى چىقىپ كېتىمەن دەپ بىزنى قورقۇتماقچىمىكەن.

ۋاي ئىسىت

  • ۋاي ئىسىت[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا، نەرسىگە بولغان ئېچىنىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] - شۇنداق قىلىپ ئەمدى مەلىكىنى ئېلىپ كېتىدىغان بولدى، ۋاي ئىسىت، -دېيىشىپ ھەسرەت چېكىپتۇ ئۇلار.

ۋاي ئىسىتەي

  • ۋاي ئىسىتەي[يەشمىسى:] «ۋاي ئىسىت» دېگەن بىرىكمىنىڭ كۈچەيتىلىپ ئېيتىلىشى:[مىسال:] ۋاي ئىسىتەي، غۇنچەمدەك چىرايلىق، چېچەن قىز باينىڭ شۇ قوپال، ماڭقا ئوغلىغا خوتۇن بولۇپ كېتەرمۇ.

ۋايە

  • ۋايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «ۋايىغا يەتمەك»كە قاراڭ.

ۋايىغا يەتمەك

  • ۋايىغا يەتمەك[يەشمىسى:] ① قۇرامىغا، بالاغەتكە توشماق:[مىسال:] -قىزىمىزمۇ ۋايىغا يېتىپ قالدى ئەمدى توي تەييارلىقى قىلمىساق بولماس، -دېدى بوۋاي.[يەشمىسى:] ② كامالەتكە يەتمەك:[مىسال:] ئۇ ئىلىم ساھەسىدە ۋايىغا يەتكەن ئەرباب ئىدى.

ۋايتاڭ

  • ۋايتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ۋاي+تاڭ[[يەشمىسى:] جۈملىدە «پەقەتلا بىلمەيمەن، زادىلا خەۋىرىم يوق ئىكەن» دېگەندەك ئېنىقسىزلىق جاۋاب ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] -ئاپاڭ قوينى كىم ئەكەلدى دەپ سورىسا، «ۋايتاڭ» دەپ دولاڭنى چىقىرىپ تۇرغىن، -دېدىم ئۇنىڭغا.

ۋايتاڭەي

  • ۋايتاڭەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ۋاي+تاڭەي[[يەشمىسى:] «ۋايتاڭ» سۆزىنىڭ كۈچەيتىلىپ ئېيتىلىشى.

ۋايتوۋا

  • ۋايتوۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ۋاي+توۋا[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىدىن ھەيران بولۇش، ئەجەبلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋايتوۋا، ئۇ قىز شۇنچە قىلىپ يۈرسىمۇ كۆز قىرىنى سېلىپ قويمىغىنىنى قارا ئۇنىڭ.[يەشمىسى:] ② قاتتىق قورقۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ تېخى بىر تاياق يېمەستىنلا «ۋايتوۋا» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.

ۋايجان

  • ۋايجان[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ۋاي+جان[[يەشمىسى:] ① ئاغرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋايجان، بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② چارچاش، ئۇسساش، ئېچىرقاش قاتارلىق ھالسىزلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋايجان، بەك ھېرىپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ③ قورقۇش، چۆچۈش، ھەيران قېلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋايجان، نېمىدېگەن سەت ھايۋان بۇ.[يەشمىسى:] ④ پىسەنت قىلماسلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋايجان، نېمانچە قىلاتتۇق ئۇنىڭغا، يامىنى كەلسە تۆت تەڭگىنى ئارتۇق خەجلەرمىز.

ۋايجانەي

  • ۋايجانەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ۋاي+جانەي[[يەشمىسى:] «ۋايجان» سۆزىنىڭ كۈچەيتىلىپ ئېيتىلىشى:[مىسال:] ۋايجانەي، پۇل-پۇل دەپ، بىز دۇكان ئاچاتتۇقمۇ

ۋايجانلاتماق

  • ۋايجانلاتماق[يەشمىسى:] «ۋايجانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دەسلىپىدە بىردىن مۇشت بىلەن بىرقانچىسىنى ۋايجانلاتقان بولساممۇ بارا-بارا بۇ ئون نەچچە ئادەمگە تەڭ كېلەلمەي قالدىم.

ۋايجانلىماق

  • ۋايجانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋايجان» دەپ ۋارقىرىماق:[مىسال:] سىدىق قازى كالىچىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىغا قارىماي ۋايجانلاپ قاچتى.

ۋايداد

  • ۋايداد[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]ۋاي+داد[[يەشمىسى:] ۋارقىراشنى، داد-پەرياد سېلىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ ۋايداد سېلىپ ئۆمىلىگىنىچە تالاغا چىقتى-دە، ئۆزىنىڭ چاپەرمەنلىرىگە ۋارقىرىدى.

ۋايدادلىماق

  • ۋايدادلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋايداد» دەپ ۋارقىرىماق، داد-پەرياد قىلماق:[مىسال:] بېلىنىڭ ئاغرىشىدىن سىڭار يان بولۇپ قالغان مىجىت ۋايدادلاپ ئاران ماڭاتتى.

ۋايساتماق

  • ۋايساتماق[يەشمىسى:] «ۋايسىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋايساشماق

  • ۋايساشماق[يەشمىسى:] «ۋايسىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋايسىماق

  • ۋايسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قاقشىماق، زارلانماق:[مىسال:] ئۇ ئاچچىق ئاغرىقتىن ۋايساپ توۋلىغىنىچە يەنە بىرنەچچىنى دومىلاپ كۈلتۈك قاردا پېتىپ قالدى.

ۋاي-ۋاي

  • ۋاي-ۋاي[يەشمىسى:] «ۋاي» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] نېسى ئېلىشتا ھاي-ھاي، پۇلىنى بېرىشتە ۋاي-ۋاي (ماقال).

ۋايۋايلىماق

  • ۋايۋايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋاي، ۋاي» دەپ ۋارقىرىماق، قاقشىماق، زارلانماق:[مىسال:] ئىمىرەمنىڭ ۋاي-ۋايلاپ نالە قىلىشلىرى، چىرقىراشلىرى ئانىنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى.

ۋاي-ۋۇي

  • ۋاي-ۋۇي[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشتىن، نەرسىدىن بىزار بولۇش، خالىماسلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، مۇنۇ ئاداشنىڭ مەمەدانلىقىنى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە ھەيران بولۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، نېمىدېگەن گۈزەل يەر بۇ[يەشمىسى:] ③ بىرەر كىمنى مەسخىرە قىلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاي-ۋۇي، چىقىپ كېتىمەن دەپ بىزنى قورقۇتماقچىمۇ سەن

ۋاييەي

  • ۋاييەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① ئاغرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاييەي، قولۇم قولۇمنى ئىشىك قىسىۋالدى[يەشمىسى:] ② پىسەنت قىلماسلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاييەي، جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان، پۇل، پۇل دەپ دۇكان ئاچاتتۇقمۇ. [يەشمىسى:] ③ نارازى بولۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋاييەي، كۈيئوغۇل ئوغۇل بولماس، كۈلدە تام بولماس، دەپتىكەن، ئۆز باغرىدىن چۈشمىگەن بالىنى بالا ئەتكىلى بولامدۇ

ۋە

  • ۋە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەڭداش بۆلەكلەر ۋە جۈملىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] بۈگۈنكى يىغىنغا ئەركىن، سەمەت ۋە توختىلار قاتناشتى.

ۋەئەلەيكۇم

  • ۋەئەلەيكۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام»غا قاراڭ.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

  • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تىنچلىق-ئامانلىق، ھال-ئەھۋال سوراش يۈزىسىدىن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن سۆزىگە جاۋابەن ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، لۇغەت مەنىسى «سىز ھەم تىنچ-ئامان بولۇڭ»دېگەنلىكتۇر:[مىسال:] — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالام، يول قاياققا-دەپ سوراپتۇ بوۋاي.

ۋەتەن

  • ۋەتەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي، يۇرت، دىيار:[مىسال:] ۋەتىنىم غۇلجا. ۋەتىنىم قەشقەر. * بىر شەھەردە ۋەتەن تۇتۇپ تۇراي دېسەڭ، چوڭ شەھەردە تۇر.[يەشمىسى:] ② ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياكى ئۆزىنى ئۇنىڭ پۇقراسى دەپ ھېسابلىغان مەملىكەت، دۆلەت:[مىسال:] ۋەتىنىم جۇڭخۇا ئېلى، مەن ئۇنىڭ پەرزەنتىمەن.

ۋەتەن ساتقۇچ

  • ۋەتەن ساتقۇچ[يەشمىسى:] ۋەتىنىدىن ۋاز كېچىپ، ۋەتەننىڭ مەخپىيەتلىكىنى باشقا ئەللەرگە سېتىپ، باشقا ئەللەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشى، ساتقۇن:[مىسال:] ۋەتەن ساتقۇچ ئوغرىلارنى قىر-چاپ قىلايلى

ۋەتەنپەرۋەر

  • ۋەتەنپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆز ۋەتىنىنى، خەلقىنى سۆيىدىغان، ۋەتەننىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] بۇ مەھبۇس پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر تۇردىئاخۇن خەلپە ئىدى.

ۋەتەنپەرۋەرلىك

  • ۋەتەنپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەتەنگە سادىق بولۇش ۋە ئۇنى سۆيۈش ئىدىيىسى، خىسلىتى:[مىسال:] ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمىزگە سادىق بولايلى.

ۋەتەنداش

  • ۋەتەنداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەتىنى بىر، بىر ۋەتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىلەر:[يەشمىسى:] بۈگۈن يەنە كۆردۈم ئۈمىدنى، ۋەتىنىمدە، ۋەتەنداشلاردا.

ۋەتەنداشلىق

  • ۋەتەنداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ۋەتەنلىك؛ بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش مۇناسىۋىتى.

ۋەتەنسىز

  • ۋەتەنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەتىنى يوق، دائىم كۆچۈپ يۈرىدىغان:[مىسال:] ۋەتەنسىز كىشىنىڭ دىلى مەڭگۈ كىر، ئۆزگىلەر ۋەتىنى ئۆز ۋەتەنگە يات.

ۋەتەنسىزلىك

  • ۋەتەنسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەتىنى يوقلۇق، دائىم ئۇ ئەلدىن بۇ ئەلگە كۆچۈپ يۈرۈش، مۇقىم بىر دۆلەتتە تۇرماسلىق:[مىسال:] ئۇلار ئادەتتە زۇۋان سۈرمىگەن بىلەن ۋەتەنسىزلىك ھەسرىتىدە كۆيىدىكەن، يۇرتىنى سېغىنىدىكەن.

ۋەتەنلىك

  • ۋەتەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەتىنى بار، ۋەتىنى بولغان:[مىسال:] بارا-بارا، يېڭىۋاشتىن كۆپىيىپ، بولغانىمىش ۋەتەنلىك ۋە خاقانلىق.

ۋەتۋەرەكⅠ

  • ۋەتۋەرەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ۋەتۋەرىكى چىقماق»قا قاراڭ.

ۋەتۋەرىكى چىقماق

  • ۋەتۋەرىكى چىقماق[يەشمىسى:] كونىراپ، يىرتىلىپ، كېرەكسىز بولۇپ قالماق، ئەبجىقى چىقماق؛ بەربات بولماق:[مىسال:] ئۇ ھەر قېتىم يېڭى كىيىم ئېلىپ بەرسە، بىر ئايغا قالماي ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتەتتى.

ۋەتۋەرەكⅡ

  • ۋەتۋەرەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لەگلەك.

ۋەج

  • ۋەج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سەۋەب، مۇددىئا، مەقسەت؛ باھانە:[مىسال:] ۋەج كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] ② مال-مۈلۈك، دەپىنە-دۇنيا:[مىسال:] ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن (ماقال).

ۋەجلىك

  • ۋەجلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەۋەبلىك، تۈپەيلى:[مىسال:] شۇ ۋەجلىك ئىشىمىز ئارقىدا قالدى.

ۋەخپە

  • ۋەخپە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۈلۈك ئىگىسى تەرىپىدىن مەسچىت، مەدرىسە، مازارلارنىڭ ئىختىيارىغا تەقدىم قىلىنغان مۈلۈك (يەر، سۇ، ئۆي-ئىمارەت، مال-چارۋا قاتارلىقلار):[مىسال:] بۇ يۇرتنىڭ زاراخەتمىسىدە، مەيلى ئۇ مازار ۋەخپىسىنىڭ كىرىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلسۇن ياكى باي، نامراتلارنىڭ نامىدا ئۆتكۈزۈلسۇن، ئۇماچلا ئېتىلەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۈلۈك ئىگىسى تەرىپىدىن مەسچىت، مەدرىسە، مازارلارنىڭ ئىختىيارىغا تەقدىم قىلىنغان:[مىسال:] ۋەخپە يەر.

ۋەخپە ئەۋلاد

  • ۋەخپە ئەۋلاد[يەشمىسى:] ئۆز ئەۋلادىغا ۋەخپە قىلىنغان بىرەر مەسچىت، مەدرىسە، مازارغا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى تاپشۇرىدىغان، ئەمما ساتالمايدىغان يەر.

ۋەخپە قىلماق

  • ۋەخپە قىلماق[يەشمىسى:] بەلگىلىك مىقداردىكى يەر-سۇ، ياكى ئۆي-ئىمارەت ۋە ياكى مال-چارۋىنى بىرەر مەسچىت، مەدرىسە ياكى مازارنىڭ ئىختىيارىغا بەرمەك:[مىسال:] ئۇ كىشى ناھىيىمىزدىكى چوڭ خانىقاغا بەش مو يەرنى ۋەخپە قىلغانىدى.

ۋەخپە مۇتلەق

  • ۋەخپە مۇتلەق[يەشمىسى:] كىم تېرىسا بولىدىغان، ئەمما بىرەر مەدرىسە، بىرەر ئورۇنغا تېگىشلىك ئۈلۈشنى تاپشۇرىدىغان يەر.

ۋەدا

  • ۋەدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇددا دىنىدىكى ئاسمان ئىلاھىنىڭ نامى.

ۋەدە

  • ۋەدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن دېيىلگەن قەتئىي سۆز، لەۋز:[مىسال:] ئەتىسى بامدات نامىزىدىن كېيىن، ھاجى ئىشان ۋەدە بويىچە رابى ۋىت-ۋىتنى ھىسامىدىن داموللىنىڭ ئالدىغا باشلاپ ئەكىردى.

ۋەدىسىز

  • ۋەدىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان:[مىسال:] ۋەدىسىز ئادەم.

ۋەدىش

  • ۋەدىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئادەتلىنىش، كۆنۈش.

ۋەدىلەشمەك

  • ۋەدىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ۋەدە بەرمەك، ئەھدىلەشمەك؛ كېلىشمەك:[مىسال:] ئۇلار كۈزلۈككە توي قىلىشقا ۋەدىلەشتى.

ۋەدىلىك

  • ۋەدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەدە قىلغان، ۋەدىلەشكەن:[مىسال:] ۋەدىلىك سۆز ئاقتى شۇ ئايدىڭ كېچە ئاي پاتقۇچە، ئويغىتىپ يۇرتنى خوراز چىللاپ سۈزۈك تاڭ ئاتقۇچە.

ۋەدىنامە

  • ۋەدىنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى جەزمەن قىلىش ھەققىدە يېزىلغان ھۆججەت؛ يازما ۋەدە؛ ئەھدىنامە:[مىسال:] ۋەدىنامە يازماق.

ۋەدىئىزم

  • ۋەدىئىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللار بىلەن 1500-يىللار ئارىسىدا ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان ۋە ئۆزلىرىنى «ئاريا» دەپ ئاتىغان ھىندى-ياۋروپا قوۋملىرى دەسلەپ ئېتىقاد قىلغان دىن. بۇ دىندا روھ ئۆلمەس دەپ قارىلىپ ئىبادەتتە قۇربانلىق مۇراسىمى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئىلاھلىرى كۆپ بولۇپ، شۇ ئىلاھلار ئۈستىدە تۇرىدىغان يەنە بىر ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھ بار دەپ قارىلىدۇ.

ۋەرەقە

  • ۋەرەقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاممىنىڭ بىلىشى ئۈچۈن تارقىتىلىدىغان، مەلۇم مەزمۇن خاتىرىلەنگەن تەشۋىقات قەغىزى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار ياتاق، سىنىپلارنىڭ ئىشىك دېرىزىلىرىگە چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىلغان ۋەرەقەلەرنى چاپلىدى.

ۋەز

  • ۋەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەسىلە ھەققىدە باشقىلارغا، ئاممىغا سۆزلەنگەن سۆز، نۇتۇق:[مىسال:] ئىمامنىڭ قەبرە بېشىدا قىلغان ۋەزلىرى مۇسىبەتتىكىلەرنىڭ دىللىرىنى ئەزدى.[يەشمىسى:] ② پەند-نەسىھەت، تەربىيە:[مىسال:] بۇ ۋەزلەر خالىقنىڭ قۇلىقىغا گويا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى.

ۋەزچى

  • ۋەزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەز ئېيتىدىغان كىشى:[مىسال:] ئۇ يۇرت ئىچىدىكى مەشھۇر ۋەزچى ئىدى.

ۋەزخان

  • ۋەزخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ۋەزچى:[مىسال:] ۋەزچى كەلكۈن يامراش بىلەن تەڭ، ھەممە يەردە ئاپئاق سەللىلىك، بىلەكلىرىگە تەسۋى ئاسقان، قوللىرىدا قۇرئان تۇتقان دۇئاگۇي ۋەزخانلار پەيدا بولدى.

ۋەزخانلىق

  • ۋەزخانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەز ئېيتىش ئىشى:[مىسال:] مەسچىت سەيناسى بىلەن قەبرىلەر ئارىلىقىدىكى بوش مەيداندا مەدداھ-ۋائىزلار ئەتراپىغا ئادەملەرنى توپلاپ ۋەزخانلىق قىلىۋاتاتتى.

ۋەزمىن

  • ۋەزمىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئېغىر بېسىق، سالماق:[مىسال:] رۇستەم ۋەزمىن يىگىت ئىدى.

ۋەزمىنلەشمەك

  • ۋەزمىنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋەزمىن ھالەتكە كەلمەك، ۋەزمىن بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ چوڭايغانسېرى ۋەزمىنلىشىپ كەتتى.

ۋەزمىنلىك

  • ۋەزمىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېغىر-بېسىقلىق، سالماقلىق:[مىسال:] -راست ئېيتدىلا ھاجىم، دېدى تۆمۈر خەلپە ۋەزمىنلىك بىلەن، ئەل-يۇرتقا تىنچلىق كېرەك. * قاسىم ئەپەندى توغرا ئېيتىپتۇ، ھاجىم، دېدى جامسىن دورجى ۋەزمىنلىك بىلەن.

ۋەز-نەسىھەت

  • ۋەز-نەسىھەت[يەشمىسى:] ۋەز ۋە نەسىھەت:[مىسال:] ئۇ بۇنداق ۋەز-نەسىھەتلەرنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلىدى.

ۋەزىپە

  • ۋەزىپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① زىممىسىگە يۈكلەنگەن، ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەت، ئىش، خىزمەت:[مىسال:] ۋەزىپە ئېغىر دېدى ئۇ چىرايىغا يېڭىۋاشتىن جىددىي تۈس بېرىپ.[يەشمىسى:] ② مەنسەپ، ئەمەل:[مىسال:] ۋەزىپىگە تەيىنلىمەك. ۋەزىپىگە قويماق.

ۋەزىپىسىز

  • ۋەزىپىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەزىپىسى يوق، ۋەزىپە يۈكلەنمىگەن.

ۋەزىپىلىك

  • ۋەزىپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەزىپىسى بار، ۋەزىپە يۈكلەنگەن.

ۋەزىر

  • ۋەزىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بەزى ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ پادىشاھ ۋە خان سارايلىرىدىكى ئالىي مەنسەپ ئىگىسى:[مىسال:] ئوڭ قول ۋەزىر. سول قول ۋەزىر.[يەشمىسى:] ② بەزى شەرق مەملىكەتلىرىدىكى مىنىستىر:[مىسال:] باش ۋەزىر. مالىيە ۋەزىرى.

ۋەزىرئەزەم

  • ۋەزىرئەزەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] باش ۋەزىر:[مىسال:] ۋەزىرئەزەم ئەمىر ھەزرەتلىرىنى مەسلىھەتكە چىللايدۇ، دەپ مەلۇم قىلدى خەۋەرچى.

ۋەزىرلىك

  • ۋەزىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەزىرگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە، ئەمەل:[مىسال:] كېيىن ھەرقايسىسى بىر ھەپتىدىن ۋەزىرلىك قىلىشىدىكەن.

ۋەزىر-ۋۇزرا

  • ۋەزىر-ۋۇزرا[يەشمىسى:] ۋەزىر ۋە شۇ قاتاردىكى ئەمەلدارلار:[مىسال:] بىرچاغدا پادىشاھ نۇرغۇن ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بىلەن بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەپتۇ.

ۋەزىن (ۋەزنى)

  • ۋەزىن (ۋەزنى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئېغىرلىق:[مىسال:] يۈك ۋەزنى. مالنىڭ تىرىك ۋەزنى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئابرۇي، نوپۇز، ئېتىبار، سالماق:[مىسال:] ئۇلار ئۆزلىرى ياراتماقچى بولغان پېرسوناژ تىلىنىڭ ۋەزنىنى كۈچەيتىشنىلا ئويلاپ ئىشچىنى زىيالىيغا، دېھقاننى كادىرغا ئوخشاش سۆزلىتىپ قويىدۇ. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شېئىرنىڭ رىتىم ئاھاڭى ۋە تۈزۈلۈشىنى بەلگىلىگۈچى بوغۇملار سانى ۋە جايلىشىشى؛ شېئىر ئۆلچەملىرى:[مىسال:] ئارۇز ۋەزنى. بارماق ۋەزىن.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ رىتىم ئاھاڭىنى ۋە تۈزۈلۈشنى بەلگىلىگۈچى رىتىملىق بىرىكمىلەر سانى ۋە جايلىشىشى.

ۋەزىنسىز

  • ۋەزىنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەزنى يوق، ۋەزىنى بولمىغان:[مىسال:] ۋەزىنسىز شېئىر.

ۋەزىنلىك

  • ۋەزىنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەزنى بار، ۋەزنى بولغان:[مىسال:] ۋەزىنلىك شېئىر.

ۋەزىيەت

  • ۋەزىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەۋجۇت بولغان ياكى بىرەر پەيتتە پەيدا بولغان شەرت-شارائىت، ئەھۋال:[مىسال:] سىياسىي ۋەزىيەت. ئىقتىسادىي ۋەزىيەت. خەلقئارا ۋەزىيەت.

ۋەسسالام

  • ۋەسسالام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «گەپ تامام، باشقا گەپ يوق، گەپ شۇ، گەپ تۈگىدى» دېگەن مەنىدىكى سۆز:[مىسال:] باشقا ئىلاجنى تېپىش كېرەك-ۋەسسالام.

ۋەسۋەسە

  • ۋەسۋەسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① غەم-ئەندىشە، تەشۋىش؛ كىشىنى ۋەھىمىگە، ھاياجانغا سالىدىغان ئوي-خىياللار:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئوزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپ ئىشق ۋەسۋەسىگە چۈشۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② كىشىنى يولدىن ئازدۇرىدىغان گەپ-سۆز، ھەرىكەت:[مىسال:] ئەرنى قېرىتىدىغان نەرسە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى.

ۋەسۋەسىلىك

  • ۋەسۋەسىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەسۋەسە قاپلىغان، ۋەسۋەسە ئىچىدە قالغان:[مىسال:] ۋەسۋەسىلىك خىياللار ئۇنى ئۆڭكۈرنىڭ مۇزدەك تاش تاملىرىغا چاپلاپ قويغانىدى.

ۋەسىقە

  • ۋەسىقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مال-مۈلۈك سېتىۋالغانلىق ھەققىدىكى ھۆججەت؛ گۇۋاھنامە:[مىسال:] بۇلغار تاشلىق قېلىن كىتابلار، قوليازمىلار ۋە كۆك ماتاغا ئوراپ قويۇلغان نۇرغۇن خەت-چەك، ۋەسىقىلەر ئۆز رېتى بويىچە قويۇلغانىدى.

ۋەسىقىسى يوق

  • ۋەسىقىسى يوق[يەشمىسى:] سۆزىدە تۇرمايدىغان، گېپىنىڭ تايىنى يوق، تۇتۇرۇقسىز، تۇتامى يوق:[مىسال:] ئۇ تازا ۋەسىقىسى يوق نېمە ئىكەن.

ۋەسىقىسىز

  • ۋەسىقىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گېپىنىڭ تۇتامى يوق، تۇتۇرۇقسىز:[مىسال:] نېمىدېگەن ۋەسىقىسىز نېمە ئۇ، -دېدى بىرى ئۇ كەتكەندىن كېيىن.

ۋەسىل (ۋەسلى)

  • ۋەسىل (ۋەسلى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇچرىشىش، قوشۇلۇش، بىرلىشىش، ئېرىشىش(يار ھەققىدە):[مىسال:] يارنىڭ ۋەسىل جامالىنى تىلەيدۇ نۆبىتى، رەھمە قىلغىل مەن غېرىبقا بار ئىمكانىم ساڭا.[يەشمىسى:] ② دىدار، جامال:[مىسال:] رازى ئىدىم كۆرۈپ ئۆلسەم ۋەسلىڭنى، ياشلىق ئىزىم قالغان ئەلۋەك ماكاندا.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مال-مۈلۈك، بايلىق:[مىسال:] ئوغلىغا ھەسەل ئېلىپ بېرىۋېتىپ دېھقاننىڭ ۋەسلى ئازلاپ، پۇلى تۈگەپتۇ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىممىتى:[مىسال:] ھۆسنىخاننىڭ ئون كۆڭلىكى بار، بىر كۆڭلەكچىلىك ۋەسلى يوق (ماقال).

ۋەسىي

  • ۋەسىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ۋايىغا يەتمىگەن يېتىم بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ۋە ئۇلارغا مىراس قالغان مال-مۈلۈككە (بالىلار ۋايىغا يەتكۈچە) قاراپ تۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان كىشى.

ۋەسىيەت

  • ۋەسىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆلگۈچىنىڭ بالا-چاقا ياكى يېقىنلىرىغا ئېيتىپ ياكى يېزىپ قالدۇرغان تاپشۇرۇقى، نەسىھىتى:[مىسال:] بوۋاي بالىلىرىغا:[مىسال:] - بۇندىن كېيىن ھەر قېتىم چاي ئىچكەندە قەنت سالماي ئىچمەڭلار، بۇ مېنىڭ ۋەسىيىتىم، -دەپتۇ. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا يېزىپ ياكى باشقىلارغا ئاغزاكى ھاۋالە قىلىپ قويغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۇسۇللار بويىچە مىراسلىرىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەمدە ئۆلگەن ۋاقتىدا كۈچكە ئىگە بولىدىغان قانۇنىي تاپشۇرۇق.

ۋەسىيەتلىك

  • ۋەسىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەسىيەت قىلىنغان، ۋەسىيىتى بولغان:[مىسال:] ۋەسىيەتلىك ۋارىسلىق.

ۋەسىيەتنامە

  • ۋەسىيەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مەرھۇمنىڭ ۋارىسلىرى ياكى يېقىن كىشىلىرىگە قالدۇرغان يازما ۋەسىيىتى؛ ۋەسىيەت يېزىلغان قەغەز، ۋەسىيەت ھۆججىتى:[مىسال:] ئۇ مەرھۇم ئانىسىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى بىر ئوقۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.

ۋەسىيلىك

  • ۋەسىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ۋەسىي ئۈستىگە ئالغان ئىش، مەجبۇرىيەت.

ۋەسىيلىك قىلىش

  • ۋەسىيلىك قىلىش[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بالا ۋە روھىي كېسەللەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مال-مۈلكى ۋە باشقا بارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى نازارەت قىلىش ۋە قوغداش.

ۋەششەمسى

  • ۋەششەمسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تۈنەك كېچىلىرى ياغ كۆيدۈرۈپ ئېيتىدىغان قوشاق:[مىسال:] بىز چوماقنىڭ ياغقا چىلانغان بېشىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلار بىلەن ۋەششەمسى قىچقىرىپ ماڭدۇق.

ۋەقە

  • ۋەقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تارىختا ياكى جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن، بولۇپ ئۆتكەن ھادىسە، ئىش:[مىسال:] شاھزادا بولغان ۋەقەنى ئاتىسىغا دەپ بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② تاسادىپىي يۈز بەرگەن ھادىسە، كېلىشمەسلىك:[مىسال:] كوچىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ.

ۋەقەسىز

  • ۋەقەسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەقە سادىر بولمىغان، ۋەقە يۈز بەرمىگەن:[مىسال:] ۋەقەسىز بۇ ھېكايىنى قانداق مۇۋەپپەقىيەتلىك يازغىلى بولىدۇ.

ۋەقەلىك

  • ۋەقەلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەقەسى بار، مەلۇم ۋەقەگە ئىگە بولغان:[مىسال:] ۋەقەلىك شېئىرلار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئە<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن مەلۇم تۇرمۇش بۆلىكى.

ۋەكىل

  • ۋەكىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر كوللېكتىپ ياكى شەخس نامىدىن ئىش بېجىرىشكە تەيىنلەنگەن، ياكى سايلانغان، ئۇنىڭ پايدا-مەنپەئىتىنى قوغداپ خىزمەت قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] يۈسۈپ تەيجى ۋاڭغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر دۆلەت ياكى تەشكىلاتنىڭ ۋاكالىتى بىلەن باشقا دۆلەتتە تۇرۇپ، شۇ دۆلەت ياكى تەشكىلاتنىڭ نامىدىن ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىشكە تەيىنلەنگەن خادىم؛ ئەلچى، كونسۇل:[مىسال:] دىپلوماتىك ۋەكىل. تۈركىيە ۋەكىلى. ۋەكىل تەيىنلىمەك. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىدارە تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغۇچى كىشى.

ۋەكىللىك

  • ۋەكىللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەكىل بولۇش؛ ۋاكالەتلىك:[مىسال:] ھېيتگاھ جامەسى ئىسلام دىنىغا خاس ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە قەدىمىي بىنا.

ۋەلەك

  • ۋەلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① قۇلاق كەستى. [يەشمىسى:] ② ھارامدىن بولغان بالا.

ۋەللەي

  • ۋەللەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بالىلار ئويۇنىنىڭ بىر خىلى. ئوينىغۇچىلار ئىككى تەرەپ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 60 - 70 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 3 - 4 سانتىمېتىر كەلگۈدەك كالتەك ۋە 15 - 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى بارماق توملۇقىدىكى بىر ياكى ئىككى بالىچۇق (ۋەللەي) بىلەن تۈز مەيداندا ئوينايدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ ئويۇندا چوڭ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئوينىلىدىغان بالىچۇق تاياق.

ۋەلىئەھد

  • ۋەلىئەھد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] تەخت ۋارىسى، ئورۇن باسار.

ۋەلىئەھدىلىك

  • ۋەلىئەھدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەختكە ۋارىسلىق، ئورۇنباسارلىق:[مىسال:] چوڭ ئوغلۇمنى ۋەلىئەھدىلىكتىن قالدۇرۇپ، كىچىك ئوغلۇمنى مىراسخور قىلاي دېسەم، رەسمىيەت-قائىدىگە توغرا كەلمەيدۇ.

ۋەلىدىزىنا

  • ۋەلىدىزىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھارامدىن بولغان بالا، نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا.

ۋەلىي

  • ۋەلىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① قوغدىغۇچى، نازارەت قىلغۇچى، مەسئۇل بولغۇچى، باشقۇرغۇچى. [يەشمىسى:] ② دىنىي ئەقىدە بويىچە تەڭرىنىڭ قۇدرىتى بىلەن بولىدىغان ھەرقانداق ۋەقە-ھادىسە ياكى غايىبانە ئىشلارنى ئالدىن بىلىدىغان ئۇلۇغ شەخس؛ ئەۋلىيا:[مىسال:] تەركىدۇنيا ۋەلىيلەر، بىگانىلەر، بەخىرامانلىقتا ئۆتتى ناخشىدىن لەززەتلىنىپ.

ۋەلىي نېمەت

  • ۋەلىي نېمەت [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] نېمەت ئىگىسى، نېمەت خوجىسى.

ۋەلىيلىك

  • ۋەلىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەۋلىيالىق، ئۇلۇغلۇق.

ۋەلىيۇللا

  • ۋەلىيۇللا[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاللانىڭ دوستى.

ۋەنزە

  • ۋەنزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىر خىل يېمەكلىك. ئادەتتە بېلىق، گۆش قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپ، دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇپ كاللەك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.

ۋەھاكازا

  • ۋەھاكازا[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] شۇ قاتارلىق، قاتارلىقلار:[مىسال:] يەنە شۇ نامۇۋاپىق خىزمەت ئۇسۇلى، بۇلارنى يېپىپ تۇرغىنى زىياپەت، سوۋغات ۋەھاكازالار...

ۋەھالەنكى

  • ۋەھالەنكى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەڭداش، لېكىن قارىمۇقارشى مەنىلىك جۈملىلەرنى باغلاپ، ئالدىنقى جۈملىدىكى ئۇقۇمغا نىسبەتەن كېيىنكى جۈملىدىكى ئوقۇمدا بولىدىغان بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ.

ۋەھشەت

  • ۋەھشەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كىشىنى ۋەھىمىگە، غەم-ئەندىشىگە سالىدىغان ياۋۇزلۇق، ۋەھشىيلىك، قورقۇنچ دەھشەت:[مىسال:] ۋادەرىخ، نەقىسمەت بۇ شۇنچە دەھشەت، سولغايمۇ چېچەك ئاچماي ۋىسال مۆھلەت خۇدايا، ئۆزۈڭ بىر كۈچ قىلغىن ئىلتىپات، بۇ ۋەھشەت قىسمىتىدىن ئەيلە ئازاد

ۋەھشىي

  • ۋەھشىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىنسانلىق قىياپىتىنى يوقاتقان، ئۆتۈپ كەتكەن زالىم، قانخور:[مىسال:] ۋەھشىي ئادەم.

ۋەھشىيانە

  • ۋەھشىيانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ۋەھشىيلەرگە خاس، ۋەھشىيلەردەك، ۋەھشىيلەرچە:[مىسال:] گومىنداڭچىلار ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان كىشىلەرنى قولىدىن دەرەخكە مىخلاپ ۋەھشىيانە ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىپ قاچقانىكەن.

ۋەھشىيلەرچە

  • ۋەھشىيلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋەھشىيلەرگە خاس، ۋەھشىيلەردەك، ۋەھشىيانە:[مىسال:] ناتونۇش كىشى ئۇنىڭغا ۋەھشىيلەرچە تىكىلىپ قارىدى.

ۋەھشىيلەشمەك

  • ۋەھشىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋەھشىي ھالەتكە كەلمەك، ۋەھشىي بولماق:[مىسال:] دۈشمەن شۇنچىلىك ۋەھشىيلەشتىكى، ئۇچراتقاننىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى.

ۋەھشىيلىك

  • ۋەھشىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەھشىيانە ھەرىكەت، قىلىق، ئىش:[مىسال:] ۋەھشىيلىك كۈچەيگەنسېرى، خەلقنىڭ قولىغا قورال ئالىدىغان كۈنى شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.

ۋەھىم

  • ۋەھىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قورقۇنچ، ۋەھىمە:[مىسال:] ۋەھىم قىلماق.* ئەنسىز خەۋەرلەر كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە تارقىتىپ غۇلغۇلا كۆتۈرەتتى.

ۋەھىمە

  • ۋەھىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاتتىق قورقۇش، غەم-ئەندىشە، ئەنسىزلىك نەتىجىسىدە پەيدا بولغان روھىي ھالەت:[مىسال:] شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئەل-يۇرت خۇددى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك بىر كەلكۈنگە دۇچ كېلىپ قالغاندەك قاتتىق ۋەھىمە ئىچىدە قالدى.

ۋەھىمىسىز

  • ۋەھىمىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەھمىسى يوق، قورقۇش پەيدا قىلمىغان؛ تىنچ:[مىسال:] ۋەھىمىسىز كۈنلەر.

ۋەھىمىلىك

  • ۋەھىمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەھىمە باسقان، ۋەھىمە قاپلىغان؛ دەھشەتلىك، قورقۇنچلۇق:[مىسال:] كاللامدا ھەر خىل ۋەھىمىلىك پىكىرلەر ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.

ۋەھىي

  • ۋەھىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچىدە خۇدا تەرىپىدىن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن خەۋەر، بۇيرۇق ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] ھېسامىدىن داموللا «قۇرئان كەلىمىسى»، «ئاللادىن كەلگەن ۋەھىي» دەپ تۇرۇپ ئۇزاق سۆزلىدى.

ۋەي

  • ۋەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] چاقىرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋەي نۆۋەتچىمۇ سىز رازۋېدكا بۆلۈمىگە ئۇقتۇرۇڭ، ھەممەيلەن يىغىلسۇن، ۋەزىپە بار، ھازىرلا يېتىپ بارىمەن.

ۋەيت

  • ۋەيت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① كۈلكە-چاقچاقتىكى ھېس-ھاياجاننى بىلدۈرىدۇ. [يەشمىسى:] ② زاڭلىق قىلىش، مازاق قىلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

ۋەيت-ۋەيت

  • ۋەيت-ۋەيت[يەشمىسى:] «ۋەيت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئاشخانىدا باشلانغان «ۋەيت-ۋەيت» كۈلكىسى پۈتۈن يولۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ۋەيران

  • ۋەيران[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پۈتۈنلەي بۇزۇلغان، خارابىغا ئايلانغان:[مىسال:] ئەگەر بۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمىساق، پۈتۈن تەختىمىز ۋەيران، ئۆزىمىز سەرسان بولۇپ كېتىمىز، دەپتۇ ۋەزىرلەر.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خاراب، ئېچىنىشلىق، ئازابلانغان:[مىسال:] قاراپ كۆردىكى ھالى بەكمۇ ۋەيران، پۈتۈنلەي قۇم، توپا-چاڭغا مىلەنگەن.

ۋەيران بولماق

  • ۋەيران بولماق[يەشمىسى:] ① بۇزۇلماق:[مىسال:] بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرى بىر تۇتاش ۋەيران بولۇپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② پۈتۈن مال-مۈلكىدىن ئايرىلماق، سولماق:[مىسال:] ۋەيران بولغان سودىگەر. ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك.[يەشمىسى:] ③ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ۋەيران بولۇپ بەدەر قاچتى.[يەشمىسى:] ④ خورلۇق تارتماق، خورلانماق:[مىسال:] مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ ۋەيران بولغان قەلبىمنىلا ئېلىپ بارالايمەن.

ۋەيران بولۇش

  • ۋەيران بولۇش[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] كارخانىلارنىڭ سۇنۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، كارخانا ياكى ھەقدارلار سوت ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنسا، سوت ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ۋەيران بولغان كارخانىنىڭ مال-مۈلكىنى باھاغا سۇندۇرۇپ، ھەقدارلارغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ، كەم قالغان تەرەپلىرىنى قايتا تولۇقلاپ بەرمەيدۇ.

ۋەيرانە

  • ۋەيرانە[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇزۇلغان، ۋەيران بولغان، ۋەيران:[مىسال:] مۈشۈك تاملىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، ۋەيرانە بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختاپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پەرىشان، روھىي چۈشكۈن:[مىسال:] نەزەر ئۆيگە كېلىپ، قوشنىلىرىدىن بولغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ داد-پەرياد سېلىپ، ۋەيرانە بولۇپ تۇرغانىكەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] رەتسىز، چېچىلاڭغۇ، قالايمىقان:[مىسال:] ۋەيرانە ئادەم. ∥ ئۇ ئىلگىرىدىن ۋەيرانە يۈرىدىغان بىرنېمە.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەيران بولغان، بۇزۇلغان، خارابلىققا ئايلانغان جاي:[مىسال:] پادىشاھ ئۇنى بىللە ئوۋغا ئاچىقىپتۇ، يولدا ئۇلارغا بىر ۋەيرانىدا سايراپ تۇرغان ھۇۋقۇش ئۇچراپتۇ.

ۋەيرانچىلىق

  • ۋەيرانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋەيران بولغان، بۇزۇلغان ھالەت:[مىسال:] بىز شۇ چاغدىكى ۋەيرانچىلىقنى كۆرۈپ كۆزىمىزگە ئىشەنمەي قالدۇق.

ۋەيرانلاشماق

  • ۋەيرانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋەيران بولماق، ۋەيران ھالەتكە كەلمەك.

ۋەيرانلىق

  • ۋەيرانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ۋەيران بولغان جاي، ئورۇن:[مىسال:] ئىجادكار يېڭى ئەۋلادبىز، ۋەتەن ئىشقىدا پەرھات بىز، شۇڭا ۋەيرانلىق ئاۋات، باياۋان باغۋاران بولدى.[يەشمىسى:] ② ۋەيران بولۇش، بۇزۇلۇش:[مىسال:] ئاچلىق، ۋەيرانلىق نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ يېقىن ئارىدا ھالاك بولۇشى تۇرغان گەپ.

ۋەيلۇن

  • ۋەيلۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دوزاخنىڭ بىرىنىڭ نامى يەنى ئوت ئەڭ كۈچلۈك كۆيىدىغان، چوڭقۇر دوزاخ.

ۋراچ

  • ۋراچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مېدىتسىنا ئىلمىدىن ئالىي مەلۇماتقا ئىگە بولغان كىشى، دوختۇر:[مىسال:] بالىلار كېسەللىكلىرى ۋراچى.

ۋراچلىق

  • ۋراچلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ۋراچقا يۈكلەنگەن ۋەزىپە، خىزمەت:[مىسال:] ۋراچلىق قىلماق.

ۋودكا

  • ۋودكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] روسىيەدە ئىشلەنگەن ھاراق. ئالىي دەرىجىلىك ئىسپىرتقا سۇ قوشۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىسپىرت تەركىبى %36 % 60 كىچە بولىدۇ.

ۋودوپروۋود

  • ۋودوپروۋود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سانائەت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان سۇ تۇرۇبىلىرى، ناسوس پونكىتلىرى قاتارلىقلار سىستېمىسى.

ۋودورود

  • ۋودورود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروگېن:[مىسال:] ۋودورود بومبىسى.

ۋودورود بومبىسى

  • ۋودورود بومبىسى[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] يادرو قوراللىرىنىڭ بىر خىلى. ھىدروگېننىڭ ئىزوتوپلىرى بولغان دېيتېرىي بىلەن ترىتىي ماتېرىيال قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالاھىدە ياسالغان ئاتوم بومبىسى پارتلىتىش قۇرۇلمىسى قىلىنىدۇ. ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندا، ھاسىل بولغان يۇقىرى ھارارەت دېيتېرىي بىلەن ترىتىينى پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسىگە كىرىشتۈرۈپ ۋە گېلى نۇكلونىنى ھاسىل قىلىپ، شىددەتلىك پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋودورد بومبىسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاتوم بومبىسىنىڭكىدىن كۆپ زور بولىدۇ.

ۋوسپالېنىيە

  • ۋوسپالېنىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] «ياللۇغ»قا قاراڭ.

ۋوگزال

  • ۋوگزال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] پويىز ئىستانسىلىرىدىكى چوڭ بىنا؛ ئىستانسا ئىچى:[مىسال:] ۋوگزال سۇپىسى.

ۋولت

  • ۋولت[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر بېسىم بىرلىكى. 1 ئامپېر توك قارشىلىقى 1 ئوم بولغان ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتكەندە، ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئېلېكتر بېسىمى 1 ۋولت بولىدۇ.

ۋولت-ئامپېر

  • ۋولت-ئامپېر[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توك قۇۋۋىتى بىرلىكى. ئۇنىڭ سانلىق قىممىتى ئېلېكتر زەنجىرىدىكى بېسىم ۋە توكنىڭ كۆپەيتمىسىگە باراۋەر.

ۋولتمېتىر

  • ۋولتمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر زەنجىرىنىڭ ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئېلېكتر بېسىمىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.

ۋولفرام

  • ۋولفرام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Wolifram) W. كۈل رەڭ ياكى قوڭۇر قارا رەڭلىك، قاتتىق، بىراق چۈرۈك كرىستال. يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق. لامپۇچكا قىلى ۋە ئالاھىدە قېتىشما پولاتلارنى ئىشلەشتە قوللىنىدۇ.

ۋولفراملىق

  • ۋولفراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ياكى ئىچىدە ۋولفرام بولغان، ۋولفرامغا ئىگە:[مىسال:] ۋولفراملىق لامپۇچكا.

ۋولقان

  • ۋولقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] «يانار تاغ»قا قاراڭ.

ۋولگار

  • ۋولگار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆتۈپ كەتكەن قوپال؛ خۇنۈك:[مىسال:] ۋولگار سۆز.[يەشمىسى:] ② تولىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان، ساختىلاشتۇرۇلغان، چاكىنىلاشتۇرۇلغان، بۇزۇلغان:[مىسال:] ۋولگار ماتېرىيالىزم.

ۋولگارىزم

  • ۋولگارىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئەدەبىي تىلدا ئىشلىتىلگەن قوپال سۆز ياكى ئىبارىلەر.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىياتتا ھەددىدىن ئارتۇق قوپال، يىرىك سۆز-ئىبارىلەرنى قوللىنىش؛ ئەسەردە بەكمۇ ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ساختىلاشتۇرۇپ، رېئاللىقنى بۇزۇپ، چاكىنىلاشتۇرۇپ ئىپادە قىلىش؛ چاكىنىلاشتۇرۇش.

ۋولۋوكس

  • ۋولۋوكس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يېشىل يۈسۈنلەرنىڭ بىر تىپى، ئۇرۇقدىشى، تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ، ئۆسۈملۈك تېنى نۇرغۇنلىغان ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلىدۇ. ھۈجەيرىسىدە ئىككى تال قامچا تۈكى بولىدۇ، ھەرىكەت قىلالايدۇ. جىنسسىز ياكى جىنسلىق كۆپىيىدۇ.

ۋولېنكا

  • ۋولېنكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بىر خىل دۇخوۋوي چالغۇ. يەل خالتىسى، پۈۋلەش نەيچىسى ۋە بىرنەچچە تال تىللىق نەيچىلەردىن تۈزۈلىدۇ. ياۋروپاغا تارقالغان.

ۋون

  • ۋون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاۋشيەننىڭ پۇل بىرلىكى.

ۋوھ

  • ۋوھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ھارۋىغا قېتىلغان ئاتنى توختىتىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

ۋوي

  • ۋوي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ھەيران قېلىش، ئەجەبلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋوي نېمە قىلغىنىڭ بۇ، ئادەمنى خىجىل قىلىپ.

ۋوي-ۋوي

  • ۋوي-ۋوي[يەشمىسى:] «ۋوي» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋۇ

  • ۋۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] غەزەپ-نەپرەت ھېس-تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋۇ مۇناپىق ئەمدى سورىمىغىنى شۇ قاپتۇ-دە، ئۇنىڭ.

ۋۇجۇد

  • ۋۇجۇد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ پۈتۈن بارلىقى، جېنى ھەم تېنى، جىسمى، گەۋدىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.

ۋۇجۇدقا چىقماق

  • ۋۇجۇدقا چىقماق[يەشمىسى:] ئەمەلگە ئاشماق:[مىسال:] يۇرتداشلار قەتئىي نىيەتكە كەلسە، بۇ ئىش جەزمەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

ۋۇجۇدقا كەلمەك

  • ۋۇجۇدقا كەلمەك[يەشمىسى:] پەيدا بولماق؛ ئەمەلگە ئاشماق:[مىسال:] ئۈمىد-ئارزۇلار رېئاللىق بىلەن زىچ بىرلەشكەندىلا جەزمەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

ۋۇجۇدىيەت

  • ۋۇجۇدىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق نەرسە، شەيئى، مەۋجۇدىيەت.

ۋۇڭ

  • ۋۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يىراقتىن ئاڭلانغان ۋە قۇلاقتىن چىققان ئاۋاز.

ۋۇڭىلدىماق

  • ۋۇڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋۇڭ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋۇڭ» قىلماق.

ۋۇي

  • ۋۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① ھەيران قېلىش، ئەجەبلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋۇي، سۇنۇپ كەتتىغۇ بۇ * ۋۇي پۇتۇمدا مېڭىپ يۈرگەن نېمە بۇ[يەشمىسى:] ② چاقىرىش، ئەيىبلەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋۇي بۇرنىغا سۇ كىرمىگەن ساراڭ، تېخى قوي باقماقچىمۇسەن

ۋې

  • ۋې[يەشمىسى:] «ۋ» ھەرپىنىڭ نامى.

ۋېبېر

  • ۋېبېر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماگنىت ئېقىمىنىڭ ئەمەلىي بىرلىكى، ئەگەر ماگنىت ئىندۇكسىيە كۈچىنىشلىكى 1 تېسلا (2مېتىر / ۋېبېر1) بولۇپ، ماگنىت كۈچ سىزىقلىرىنىڭ يۆنىلىشىدىكى تەكشىلىككە تىك بولسا، ھەربىر كۋادرات مېتىردىكى ماگنىت ئېقىمى 1 ۋېبېر بولىدۇ. يەنى: 1 ۋېبېر01= ماكسىۋېل.

ۋېچىركا

  • ۋېچىركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] توي-تۆكۈنلەردە بولىدىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ كەچكى ئولتۇرۇشى:[مىسال:] - سەن پەرىزاتنىڭ ئۆيىدىكى ۋېچىركىنى ئەسلەپ كۆر، — دېدى ئۇ كامىلغا.

ۋېدا

  • ۋېدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانىس[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] براخما دىنى ۋە ھىندى دىنىنىڭ ئەڭ قەدىمىي مۇقەددەس كىتابلىرى. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىلدىن 1000-يىلغىچە ئارىلىقتا كىتاب بولۇپ شەكىللەنگەن.

ۋېدائىزم

  • ۋېدائىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە+رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ھىندىستاننىڭ قەدىمكى دىنلىرىدىن بىرى. تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلى قەدىمكى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن ئارىيانلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن كۆپ خۇدالىق دىن.

ۋېرتۇشكا

  • ۋېرتۇشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇ ئېقىمىنىڭ تېزلىكىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە چاشكا شەكىللىك ۋە ئايلانما شەكىللىك ۋېرتۇشكا دېگەن تۈرلىرى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

ۋېرتىكال

  • ۋېرتىكال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تۆۋەندىن يۇقىرىغا ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىك يۆنەلگەن؛ تىك:[مىسال:] ۋېرتىكال سىزىق. ۋېرتىكال راۋاجلانغان بۇلۇتلار.

ۋېكتور

  • ۋېكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] چوڭ-كىچىكلىكى ھەم يۆنىلىشى بولغان فىزىكىلىق مىقدار. مەسىلەن، تېزلىك، ھەرىكەت مىقدارى، كۈچ قاتارلىق.

ۋېكتورلۇق

  • ۋېكتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋېكتورغا ئىگە، ۋېكتورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] ۋېكتورلۇق مەيدان.

ۋېكتورمېتىر

  • ۋېكتورمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ۋېكتورنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.

ۋېكسېل

  • ۋېكسېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] مەلۇم شەكىلگە ئىگە قەرز ھۆججىتى، يەنى قەرزدارنىڭ قەرزنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تۆلەش توغرىسىدا بەرگەن ھۆججىتى، ئۇنىڭغا سوممىسى ئېنىق يېزىلىدۇ.

ۋېگىتاتىۋ

  • ۋېگىتاتىۋ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان:[مىسال:] ۋېگېتاتىۋ نېرۋا. ۋېگېتاتىۋ ئەزالار.

ۋېلىسىپىت

  • ۋېلىسىپىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئىككى چاقلىق بىر خىل قاتناش قورالى. ئادەم ئۈستىگە مىنىپ ئىككى پۇتى بىلەن تەپكىنى تېپىش ئارقىلىق ھەيدەيدۇ.

ۋېلىسىپىتچى

  • ۋېلىسىپىتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ۋېلىسىپىت بىلەن مۇسابىقىلاشقۇچى. [يەشمىسى:] ② ۋېلىسىپىت رېمونت قىلغۇچى كىشى.

ۋېلىسىپىتلىك

  • ۋېلىسىپىتلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋېلىسىپىتى بار، ۋېلىسىپىتقا ئىگە:[مىسال:] ۋېلىسىپىتلىك ئادەم. * ئۇ ھازىر ۋېلىسىپىتلىك بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋېلىسىپىت مىنگەن:[مىسال:] تار يولدا مەن بىر ۋېلىسىپىتلىك ئايالنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋېلىسىپىت مىنگەن ھالدا:[مىسال:] ئۇ بۇ يەرگە ۋېلىسىپىتلىك كەلدى.

ۋېنا

  • ۋېنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قان سۇيۇقلۇقىنى يۈرەككە قايتۇرۇپ كېلىدىغان تومۇر. ئۇنىڭ ئىچىدىكى قان تەركىبىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد كۆپرەك بولۇپ، رەڭگى توق قىزىل كېلىدۇ.

ۋېناپورتا

  • ۋېناپورتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئاشقازان، ئۈچەي، تال، ئۇيقۇلۇق، [يەشمىسى:] ئۆت خالتىسى قاتارلىقلاردىكى ۋېنالارنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن چوڭراق ۋېنا. ئۇ يەنە جىگەرگە كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىچىك ۋېنالارغا ئايرىلىپ كېتىدۇ.

ۋېنتۇرىمېتىر

  • ۋېنتۇرىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ھىم تۇرۇبا ئىچىدىكى ئاقار جىسىملارنىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. ئۇ تار تۇرۇبا ۋە بېسىم پەرقىنى ئۆلچەيدىغان قۇرۇلمىلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

ۋېنتىل

  • ۋېنتىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] كامېر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە يەل بېرىش ياكى ماشىنىلاردا ھاۋا يۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇرۇپكا.

ۋېنگر

  • ۋېنگر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ۋېنگر مىللىتى، ۋېنگر خەلقى، ئۇلار ۋېنگرىيىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇمىنىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيە ھەم چېخوسلوۋاكىيىدىمۇ ياشايدۇ.

ۋېنگرچە

  • ۋېنگرچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋېنگرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىگە ئائىت؛ ۋېنگر خەلقىگە خاس بولغان:[مىسال:] ۋېنگرچە كىيىم. ۋېنگرچە ئۇسسۇل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋېنگر تىلى ياكى يېزىقى:[مىسال:] ۋېنگرچىنى ئۆگەنمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋېنگر تىلىنى ئىشلىتىپ، ۋېنگر تىلىدا:[مىسال:] ئۇلار ۋېنگرچە سۆزلىشىپ كەتتى.

ۋېنېرا

  • ۋېنېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن ئىككىنچى پلانېتا. قۇياشنى ئومۇمىي ئايلىنىش دەۋرى 7.244 كۈن. ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى 243 كۈن بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قاراپ تەتۈر ئايلىنىدۇ. ۋېنېرا چوڭ پلانېتىلار ئارىسىدىكى قۇياشقا ئەڭ يېقىن تۇرغان بىر پلانېتا. ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدا ئۇنى چولپان يۇلتۇزمۇ دەيدۇ. ئەتىگەندە شەرقتىن ئەڭ يورۇق بولۇپ كۆرۈنىدۇ. نامازشامدا غەربتە يورۇق يۇلتۇز بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

ۋىبراتور

  • ۋىبراتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكترودىنامىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مېخانىكىلىق تەۋرىنىش ھاسىل قىلىدىغان قۇرۇلما. تېزلىنىشى مەلۇم بولغان مېخانىكىلىق تەۋرىنىش ھاسىل قىلالايدۇ. ئۇ ئادەتتە ئاكسېلېرومېتىرنى توغرىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ۋىبراتور يەنە ئېلېكتروئاكوستىكىلىق ئەسۋابلارنىڭ تەۋرىنىشكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ۋە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ دائىملىق تەۋرىنىش تەجرىبىلىرىنى ئىشلەش جەھەتلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ۋىبروگراف

  • ۋىبروگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىمنىڭ تەۋرىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەسۋاب.

ۋىبرومېتىر

  • ۋىبرومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچەگرېك>فىز[[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ تەۋرىنىش پارامېتىرلىرىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.

ۋىت

  • ۋىت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىر خىل يېنىك، ئىنچىكە ئاۋاز.

ۋىتافۇن

  • ۋىتافۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مىكروفون ئارقىلىق ئاۋاز سىڭدۈرىدىغان موم پەردىلىك پلاستىنكا.

ۋىتامىن

  • ۋىتامىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھايۋان ۋە ئادەملەرنىڭ ئوزۇقلىنىشى، ئۆسۈشى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق، مىقدارى ئاز، ئورگانىك خىمىيىۋى بىرىكمە. ئۇ ئورگانىزمنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋىتامىن كەم بولۇشىدىن ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قابىلىيىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن بەزى كېسەللەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ. ۋىتامىن ئادەتتە يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئېھتىياجلىق مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە، بەدەندە ساقلانماستىن تاشقىرىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.

ۋىتامىنسىز

  • ۋىتامىنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ۋىتامىن يوق ياكى كەم بولغان:[مىسال:] ۋىتامىنسىز ئوزۇقلۇق.

ۋىتۋالاق

  • ۋىتۋالاق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بۆدۈنە سايرىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] بۆدۈنەمنىڭ ماكانى يوق، نەگە بارسا ۋىتۋالاق (ماقال).

ۋىت-ۋىت

  • ۋىت-ۋىت[يەشمىسى:] ① «ۋىت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى. [يەشمىسى:] ② ئۇششاق سۆزنى تولا قىلىدىغان غەيۋەتخور:[مىسال:] بۇ ئىش بولۇپ ئەتىسىلا كوچىنى ۋىت-ۋىت خوتۇنلارنىڭ سۆزى بىر ئالدى.

ۋىتېرىت

  • ۋىتېرىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئېنگ[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى B9CO3. يانتۇ ياقلىق كرىستال سىستېمىسىدا، كرىستاللىرى ساختا ئالتە ياقلىق قوش پىرامىدا شەكلىدە، قۇرامساقلىرى زىچ كاللەك، دانلىق، شارسىمان بولىدۇ. رەڭسىز ياكى سەل كۈل رەڭ، سەل سېرىق رەڭلىك، ئەينەك پارقىراقلىقىدا، چۈرۈك، تۇز كىسلاتاسىدا ئېرىيدۇ. كۆپ كۆپۈك ھاسىل قىلىدۇ. ئىسسىق ئېرىتمىلىك كان تومۇرلىرىدا ۋە يىمىرىلىش پوستىدا ئۇچرايدۇ.

ۋىتىر

  • ۋىتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] «ۋىتىر نامىزى»غا قاراڭ.

ۋىتىر نامىزى

  • ۋىتىر نامىزى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ناماز خۇپتەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئۈچ رەكەتلىك ناماز.

ۋىتىلداتماق

  • ۋىتىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋىتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋىتىلداشماق

  • ۋىتىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋىتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋىتىلداق

  • ۋىتىلداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا ۋىتىلدايدىغان، ئۇششاق سۆزنى كۆپ قىلىدىغان:[مىسال:] ۋىتىلداق خوتۇن.

ۋىتىلداقلىق

  • ۋىتىلداقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا سۆزلەش ئادىتى.

ۋىتىلدىماق

  • ۋىتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز گەپ قىلماق، ئۇششاق سۆزلىمەك:[مىسال:] ئاپىسىنىڭ ۋىتىلدىشىدىن بىزار بولغان قىز نائىلاج كۆڭلى تارتمىغان يىگىتكە ماقۇل بولدى.

ۋىجدان

  • ۋىجدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئۆز ھەرىكىتى، قىلمىشى، يۈرۈش-تۇرۇشى ھەققىدە جەمئىيەت ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى؛ ئىنساپ، دىيانەت:[مىسال:] ۋىجدان بىلەن ئىش قىلماق. ۋىجدان بىلەن ياشىماق.

ۋىجدان ئازابى

  • ۋىجدان ئازابى[يەشمىسى:] روھىي جەھەتتىكى ئازابلىنىش، روھىي بېسىم.

ۋىجدانى بار

  • ۋىجدانى بار[يەشمىسى:] ھەق-ئادالەتنى قوللايدىغان، ناھەقچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، ۋىجدانلىق:[مىسال:] ۋىجدانى بار ئادەم.

ۋىجدانى كۆتۈرمەسلىك

  • ۋىجدانى كۆتۈرمەسلىك[يەشمىسى:] ۋىجدانى يول قويماسلىق:[مىسال:] خۇشامەت قىلىشنى ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ.

ۋىجدانى قاينىماق

  • ۋىجدانى قاينىماق[يەشمىسى:] ھەق-ئادالەت ھېسسىياتى قوزغالماق:[مىسال:] بېشىمىزدىن تىل-ھاقارەت، تاياق-توقماق كەتمىسە بۇنىڭغا ۋىجدانىڭلار قاينىمامدۇ.

ۋىجدانىنى ساتماق

  • ۋىجدانىنى ساتماق[يەشمىسى:] ھەق-ئادالەت يولىدا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھېسسىياتىنى يوقاتماق:[مىسال:] رازىيە، ئۇنىڭ پۇل ۋە دۆلىتىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ئۈچۈن، ئار-نومۇسىنى، ۋىجدانىنى ساتىدۇ.

ۋىجدانى يوق

  • ۋىجدانى يوق[يەشمىسى:] ھەق-ئادالەتنى قوللىمايدىغان، ۋىجدانسىز:[مىسال:] سەن ئۇنى بىلمەيدىكەنسەن، ئۇ ۋىجدانى يوق بىرنېمە.

ۋىجدانەن

  • ۋىجدانەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋىجدان بىلەن، ساپ دىللىق بىلەن:[مىسال:] نۇرەك باخشى گۇناھسىز ئۆلۈپ كەتكەن سۆيگۈنىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ۋىجدانەن بەرگەن قەسىمىگە بىنائەن، ئۆمۈرۋايەت ئۇنىڭغا قارىلىق تۇتۇپ، ئۆيلىنىش ئويىدا بولمىدى.

ۋىجدانسىز

  • ۋىجدانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋىجدانى يوق، ۋىجدان بىلەن ئىش قىلمايدىغان:[مىسال:] ۋىجدانسىز ئادەم.

ۋىجدانسىزلىق

  • ۋىجدانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋىجدانى يوقلۇق، ئىش-پائالىيەتتە ھەققانىيەتنى ياقلىماسلىق، نامەردلىك:[مىسال:] لېكىن مەن بۇنداق ۋىجدانسىزلىق ئۈچۈن تۆرەلمىگەن ئوخشايمەن.

ۋىجدانلىق

  • ۋىجدانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋىجدانى بار، ۋىجدان بىلەن ئىش قىلىدىغان:[مىسال:] ۋىجدانلىق ئادەم.

ۋىجدانىي

  • ۋىجدانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ۋىجدانغا باغلىق بولغان؛ ۋىجدانغا، ئىنسابقا ئائىت:[مىسال:] بۇ ئۆزىنى ھەقىقىي ئىنسان دەپ ئاتىغان ھەربىر كىشىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋىجدانىي بۇرچى.

ۋىجىك

  • ۋىجىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] جۇغى كىچىك، بويى دېگەندەك ئۆسمىگەن ھەم ئورۇق:[مىسال:] ۋىجىك ئادەم.

ۋىجىكلەشتۈرمەك

  • ۋىجىكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ۋىجىكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇنىرىدىن خوجا ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئاغرىغاندىن بېرى، بۇ غاجىغۇچ نىجىس كېسەل ئۇنى دېيەرلىك ئورۇقلىتىپ خېلىلا ۋىجىكلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

ۋىجىكلەشمەك

  • ۋىجىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋىجىك ھالەتكە كەلمەك، ۋىجىك بولماق، ۋىجىكلىمەك:[مىسال:] ئۇ كېسەل دەردىدە كۈندىن-كۈنگە ۋىجىكلىشىپ كەتتى.

ۋىجىكلىك

  • ۋىجىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇق ھەم پاكارلىق، جۇغى كىچىكلىك.

ۋىجىكلىمەك

  • ۋىجىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋىجىكلەشمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇرۇنقى قامەتلىك تەقى-تۇرقىدىن ئەسەر قالمىدى، بارغانچە ۋىجىكلەپ، جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئومۇمەن مەھرۇم بولۇپ قالدى.

ۋىچ

  • ۋىچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشقاچ، قارلىغاچ قاتارلىق قۇشلار سايرىغاندا چىققان ئاۋاز.

ۋىچ-ۋىچ

  • ۋىچ-ۋىچ[يەشمىسى:] «ۋىچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋىچىر

  • ۋىچىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشقاچ قاتارلىق قۇشلار سايرىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋىچىرلاتماق

  • ۋىچىرلاتماق[يەشمىسى:] «ۋىچىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋىچىرلاشماق

  • ۋىچىرلاشماق[يەشمىسى:] «ۋىچىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يول بويىدىكى قېرى سۆگەتكە قونۇۋالغان قۇشقاچلار شاختىن-شاخقا سەكرىشىپ ئۈزمەي ۋىچىرلىشاتتى.

ۋىچىرلىماق

  • ۋىچىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋىچىر-ۋىچىر» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋىچىر-ۋىچىر» قىلىپ سايرىماق:[مىسال:] دەرەخ شاخلىرىدىكى قۇشقاچلار خۇددى بىر ئىش ئۈستىدە گەپ تالىشىۋاتقان بالىلاردەك بەس-بەستە ۋىچىرلايدۇ.

ۋىچىر-ۋىچىر

  • ۋىچىر-ۋىچىر[يەشمىسى:] «ۋىچىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋىدا

  • ۋىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئايرىلىش، جۇدالىشىش.

ۋىدالاشماق

  • ۋىدالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەڭگۈلۈك ئايرىلماق، ئۆلمەك:[مىسال:] بۇ رەسىمنى مەرھۇم ئايالى سەتبەرگىگە كۆرسەتكۈسى كېلەتتى، ئەپسۇسكى ئۇ ئۇلاردىن ۋىدالاشقانىدى.[يەشمىسى:] ② ئۆلۈم ئالدىدا خوشلاشماق:[مىسال:] دارغا يېقىن كەلگەندە بۇ ئوغۇل: «ئانام بىلەن ۋىدالىشىۋالسام، دەيدىغان گېپىمنى دەۋالسام» دەپ پادىشاھدىن تىلەپتۇ.[يەشمىسى:] ③ مېيىتنى يۇيۇشتىن بۇرۇن ئۆلگۈچىنىڭ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مېيىتنىڭ يېنىغا كىرىپ رازىلىق بىلدۈرمەك، خوشلاشماق، ئۇزاتماق.

ۋىدالىق

  • ۋىدالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئايرىلىش، خەيرلىشىش:[مىسال:] كامېر ئىشىكى ئالدىدا قەھرىمانلار مۇتەللىپكە ئاخىرقى ۋىدالىق سۆزلىرىنى قىلدى.

ۋىدىس

  • ۋىدىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۈزۈم ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك. شاخلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم قىرلىق كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ، تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ئۈچتىن بەشكىچە چوڭقۇر يېرىلىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان، شىرنىلىك مېۋىسى قېنىق بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ. غول تالالىلىرىدىن ئارغامچا ئەشكىلى بولىدۇ.

ۋىرتوشكا

  • ۋىرتوشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئېقىن سۇنىڭ ئېقىش سۈرئىتى بىلەن كىنىتىك ئېنېرگىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق، سۇنىڭ ئېقىش سۈرئىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.

ۋىرۇس

  • ۋىرۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① كېسەل مىكروبىدىن كىچىك ۋە ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدىغان بىر خىل كېسەل قوزغاتقۇچى تەنچە. مىكروب سۈزگۈچتىنمۇ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. چېچەك، قىزىل، مېڭە ياللۇغى، كالا ۋاباسى قاتارلىق كېسەللەرنى ئوخشاش بولمىغان ۋىرۇسلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] نورمال ئىشلەۋاتقان كومپيۇتېر پروگراممىلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان ۋە بۇزۇۋېتەلەيدىغان ئالاھىدە بىر خىل يۇمشاق ماتېرىيال پروگراممىلىرىنىڭ ئوبرازلاشتۇرۇپ ئاتىلىشى.

ۋىرۇسلۇق

  • ۋىرۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋىرۇسى بار، ۋىرۇسى بولغان:[مىسال:] ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى.

ۋىرۇسئولوگىيە

  • ۋىرۇسئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ۋىرۇسلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، كۆپىيىشى، ئىرسىيەت ئۆزگىرىشى قاتارلىق بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ھەمدە ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ۋىزا

  • ۋىزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] ① بىر دۆلەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچى ئورگىنىنىڭ ئۆز دۆلىتى ياكى باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ قولىدىكى پاسپورت ياكى باشقا ساياھەت گۇۋاھنامىلىرىغا، ئۆز دۆلىتىگە كىرىپ-چىقىشىغا قوشۇلۇپ قويغان قولى ياكى باسقان تامغىسى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل رەسمىيەتتىن ئۆتكەن پاسپورت ياكى گۇۋاھنامە.

ۋىزۋوت

  • ۋىزۋوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[كونا[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] «پەيⅢ»كە قاراڭ.

ۋىژ

  • ۋىژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كەتكەن ئوق ۋە سوغۇق شامال قاتارلىقلاردىن چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋىژژىدە

  • ۋىژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋىژ» قىلىپ، «ۋىژ» قىلغان» ھالدا:[مىسال:] قۇلاق تۈۋىدىن ۋىژژىدە ئوق ئۆتۈپ كەتتى.

ۋىژ-ۋىژ

  • ۋىژ-ۋىژ[يەشمىسى:] «ۋىژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] جاندىن ئۆتىدىغان ۋىژ-ۋىژ سوغۇق ئادەمنى ئۈششۈك ھەرىدەك چاقاتتى.

ۋىژىلداتماق

  • ۋىژىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋىژىلداشماق

  • ۋىژىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ تولغىنىپ، سىلجىپ ئالغا باسماقتا ئىدى، ئەتراپلىرىغا ئوقلار ۋىژىلدىشىپ چۈشۈپ تۇراتتى.

ۋىژىلدىماق

  • ۋىژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋىژ-ۋىژ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋىژ-ۋىژ» قىلماق:[مىسال:] ئۇ ھازىر ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار، پارتىلاۋاتقان بومبىلارغا پىسەنتمۇ قىلمايدۇ.

ۋىسال

  • ۋىسال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇچرىشىش، كۆرۈشۈش، ئېرىشىش؛ ۋەسىل (سۆيگەن يارى ھەققىدە):[مىسال:] گاھىدا چۈشىدە چۈشەپ دىلبەرنى، ئۆتكۈزگەن ئۇيقۇسىز تالاي كېچىنى. ھامان بىر ۋىسالنىڭ شېرىن خىيالى، كۆيدۈرگەن تومۇزدەك ئۇنىڭ ئىچىنى.[يەشمىسى:] ② جامال، چىراي، ھۆسن:[مىسال:] - ئەلۋەتتە، ئۇ ۋىسالىمغا ئاشىق بولغاي، دېدى ۋىسال تاپ

ىڭ ۋىتىلدىشىدىن بىزار بولغان قىز نائىلاج كۆڭماق:

  • ىڭ ۋىتىلدىشىدىن بىزار بولغان قىز نائىلاج كۆڭماق:[مىسال:] مەلىكە ھۆسنەبانۇ بىلەن مۇنىرە ۋىسال تېپىپ، مۇرادلىرى ھاسىل بولدى.

ۋىسالىغا يەتمەك

  • ۋىسالىغا يەتمەك[يەشمىسى:] ئىشق-مۇھەببىتىگە ئېرىشمەك، مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بولماق؛ دىدار كۆرۈشمەك:[مىسال:] ئۇ ئاخىرى سول قول ۋەزىرنى جىمىقتۇرۇۋېتىپ، بۇ ئايالنىڭ ۋىسالىغا يېتىش كويىغا چۈشۈپتۇ.

ۋىسكوزا

  • ۋىسكوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① سۈنئىي يىپەك قىلىش ئۈچۈن سېللۇلوزىدىن تەييارلانغان قويۇق يېپىشقاق ماددا.[يەشمىسى:] ② يۇقىرىقى ماددىدىن تەييارلانغان سۈنئىي يىپەك.[يەشمىسى:] ③ شۇ خىل يىپەكتىن توقۇلغان رەخت.

ۋىسكوزىمېتىر

  • ۋىسكوزىمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاقار جىسىملارنىڭ يېپىشقاقلىقىن ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.

ۋىسمان

  • ۋىسمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېرمانىيە بىئولوگى، يەنى «يېڭى دارۋىن تەلىماتى» نىڭ ئاساسچىسى. ئۇ چىۋىنلەرنىڭ ئىۋوليوتسىيىسى، سۇ بۈرگىسىنىڭ كۆپىيىش پائالىيەتلىرى، چاشقان قۇيرۇقىنى كېسىۋېتىشنىڭ ئىرسىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.

ۋىسمانىزم

  • ۋىسمانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ۋىسمان ئوتتۇرىغا قويغان ئىرسىيەت ۋە يېتىلىش توغرىسىدىكى تەلىمات. ئادەتتە ئۇ تەشەببۇس قىلغان نەسىل ماددىسىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى، كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى بىلەن تەن ھۈجەيرىسىنىڭ پارچىلىنىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئىرسىي تارقىلىش جەھەتتىكى ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئېرىشىلگەن خۇسۇسىيەتنىڭ ئىرسىيەت قالماسلىقى قاتارلىق ئوقۇملار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ۋىسمۇت

  • ۋىسمۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. خىمىيىۋى بەلگىسى (Bismuthum) B1. قاتتىق ھەم چۈرۈك. قېتىشمىسىنىڭ ئېرىش دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىخەتەرلىك سىمى ۋە پار قازىنىنىڭ بىخەتەرلىك قاپقىقىنى ياساشقا بولىدۇ.

ۋىش

  • ۋىش[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشقاچ، قارلىغاچ قاتارلىق قۇشلار ئۇچقاندا ياكى يىلان ماڭغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋىششىدە

  • ۋىششىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋىش» قىلىپ، «ۋىش» قىلغان ھالدا.

ۋىشكا

  • ۋىشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مۇنار شەكىلدىكى چوڭ، ئېگىز قۇرۇلما؛ جاھاز:[مىسال:] پاراشۇت ۋىشكىسى. نېفىت ۋىشكىسى.

ۋىشنۇ

  • ۋىشنۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ھىندى دىنىدىكى بىر ئىلاھنىڭ نامى. ھىندى دىنىدا ۋىشنۇ دۇنيانى قوغدىغۇچى ئىلاھ دەپ قارىلىدۇ.

ۋىش-ۋىش

  • ۋىش-ۋىش[يەشمىسى:] «ۋىش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

ۋىشىلداتماق

  • ۋىشىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋىشىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋىشىلدىماق

  • ۋىشىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋىش» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋىش» قىلماق:[مىسال:] قارلىغاچلار ۋىشىلداپ پەس ئۇچماقتا ئىدى.

ۋىق

  • ۋىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چىۋىق قاتارلىق ئىنچىكە نەرسىلەر بىلەن يۇمشاق نەرسىلەرنى ئۇرغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ۋىقىلداتماق

  • ۋىقىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋىقىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋىقىلداشماق

  • ۋىقىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋىقىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋىقىلدىماق

  • ۋىقىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋىق» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋىق» قىلماق.

ۋىكسترېمىيە

  • ۋىكسترېمىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ۋىكسترېمىيە چاتقىلى»غا قاراڭ.

ۋىكسترېمىيە چاتقىلى

  • ۋىكسترېمىيە چاتقىلى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مازرىيون ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ھەم ئېللىپسسىمان تۆمۈنە شەكلىدە بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى سېرىق ۋە باشاقسىمان گۈل رېتىدە، ئۈچكىلىك مېۋىسى قارا رەڭدە. قوۋزاق تالالىرىدىن قەغەز ئىشلىگىلى بولىدۇ.

ۋىكليۇچاتېل

  • ۋىكليۇچاتېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر توكىنى ئۈزۈش ۋە ئۇلاش ئۈچۈن ئورنىتىلىدىغان ئەسۋاب.

ۋىڭ

  • ۋىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چىۋىن ئۇچقاندا ياكى ئېتىلغان ئوق ھاۋانى يېرىپ ماڭغاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ۋىڭ قىلىپ ئۇچماق.

ۋىڭڭىدە

  • ۋىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋىڭ» قىلىپ، «ۋىڭ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئوق قۇلاق تۈۋىمدىن ۋىڭڭىدە ئۆتۈپ كەتتى.

ۋىڭ-ۋىڭ

  • ۋىڭ-ۋىڭ[يەشمىسى:] «ۋىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ۋىڭ-ۋىڭ قىلغان ئوق ئاۋازلىرى يېقىنلا يەردىن ئاڭلىناتتى.

ۋىڭىلداتماق

  • ۋىڭىلداتماق[يەشمىسى:] «ۋىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋىڭىلداشماق

  • ۋىڭىلداشماق[يەشمىسى:] «ۋىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋىڭىلدىماق

  • ۋىڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋىڭ» قىلغان ئاۋازنى چىقارماق، «ۋىڭ» قىلماق:[مىسال:] ئالماسنىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىدىن بىرنەچچە تال ئوق ۋىڭىلداپ ئۆتۈپ كەتتى.

ۋىل

  • ۋىل[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يۈزنىڭ بىردىنلا قىزىرىش، ئوتنىڭ يالقۇنجاش، سۇنىڭ ئاستا، سۇس قايناش ھالىتى قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ.

ۋىلايەت

  • ۋىلايەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزنىڭ ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلىرىدىكى بىرنەچچە ناھىيە، شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرىي تېررىتورىيە:[مىسال:] قەشقەر ۋىلايىتى. ئاقسۇ ۋىلايىتى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى.

ۋىلايەتلىك

  • ۋىلايەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋىلايەتكە تەۋە بولغان، ۋىلايەت ئىلكىدىكى، ۋىلايەت قارمىقىدىكى:[مىسال:] ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى. ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى.

ۋىلكا

  • ۋىلكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تاماق يېيىشكە ئىشلىتىدىغان ئارا شەكىللىك كىچىك بۇيۇم.

ۋىللىدە

  • ۋىللىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋىل» قىلىپ، «ۋىل» قىلغان ھالدا:[مىسال:] رەيھان «سادىق» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ، قورۇنغاندەك ۋىللىدە قىزاردى،

ۋىل-ۋىل

  • ۋىل-ۋىل[يەشمىسى:] «ۋىل» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇزۇن كەتكەن كۆز يەتمەس سايلىق خۇددى تۈتۈنسىز يالقۇن ئىچىدە كۆيۈۋاتقاندەك ۋىل-ۋىل يالىلداپ تۇراتتى.

ۋىلىق

  • ۋىلىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كىچىك بالىلارنىڭ ۋە قىزلارنىڭ يېقىملىق كۈلۈش ھالىتى.

ۋىلىققىدە

  • ۋىلىققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ۋىلىق» قىلىپ، «ۋىلىق» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ ۋىلىققىدە كۈلدى، مەن ئۇنىڭ كۈلكىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.

ۋىلىقلىماق

  • ۋىلىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋىلىق-ۋىلىق» قىلماق:[مىسال:] بالا ۋىلىقلاپ كۈلۈۋەتتى.

ۋىلىق-ۋىلىق

  • ۋىلىق-ۋىلىق[يەشمىسى:] «ۋىلىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قىزنىڭ چىرايلىرى پۈرۈشۈپ ۋىلىق-ۋىلىق كۈلدى.

ۋىلىلدىماق

  • ۋىلىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ۋىل-ۋىل» قىلماق:[مىسال:] خىجىل بولغىنىمدىن يۈزلىرىم ئوتتا كۆيگەندەك ۋىلىلدىدى.

ۋىنايا

  • ۋىنايا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانىس[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇددا نوملىرىنىڭ ئۈچىنچى قىسمى. راھىبلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمرىمەرۇپ، قائىدە-يوسۇنلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ۋىنتا

  • ۋىنتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] بۇرما، رېزبا:[مىسال:] ۋىنتا چىقارماق.[يەشمىسى:] ② ئايلانما رېزبىلىق چىڭىتىش دېتالى:[مىسال:] ۋىنتا بىلەن چىڭىتماق.

ۋىنتىسى بوش

  • ۋىنتىسى بوش[يەشمىسى:] «ۋىنتىسى كەم»گە قاراڭ.

ۋىنتىسى كەم

  • ۋىنتىسى كەم[يەشمىسى:] ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەمەس، كاللىسى تازا ئىشلىمەيدىغان؛ دۆترەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئازراق ۋىنتىسى كەم نېمە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا، دېدى ئۇ كۆڭلۈمنى ياساپ.

ۋىنتىلاتماق

  • ۋىنتىلاتماق[يەشمىسى:] «ۋىنتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ۋىنتىلاشماق

  • ۋىنتىلاشماق[يەشمىسى:] «ۋىنتىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ۋىنتىلانماق

  • ۋىنتىلانماق[يەشمىسى:] «ۋىنتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ۋىنتىلىق

  • ۋىنتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋىنتىسى بار، ۋىنتىغا ئىگە؛ ۋىنتا چىقىرىلغان:[مىسال:] ۋىنتىلىق مىكرومېتىر.

ۋىنتىلىماق

  • ۋىنتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋىنتا بىلەن چىڭىتماق، ۋىنتا بېكىتمەك.

ۋىنو

  • ۋىنو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاساسەن ئۈزۈمدىن تەييارلىنىدىغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىك، ھاراق، مەي، شاراب:[مىسال:] ۋىنو ئىچمەك. قىزىل ۋىنو.

ۋىنوچىلىق

  • ۋىنوچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋىنو ياساش ئىشى:[مىسال:] دۇنيادا ۋىنوچىلىقمۇ ئالدى بىلەن مۇشۇ رايوندا بارلىققا كەلگەن.

ۋىنىل

  • ۋىنىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېتىلېن مولېكۇلىسىنىڭ بىر دانە ھىدروگېن ئاتومىنى ئاز يوقىتىشى ئارقىلىق كېلىپ چىققان دەپ قارىلىدىغان رادىكال گۇرۇپپىسى.

ۋىنىلون

  • ۋىنىلون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئاتسېتىلېن، ئېتىلېن، ئاتسېتات كىسلاتاسى ۋە پورمالدىگىتنى خام ئەشيا قىلىپ سىنتېز قىلىنغان تالا. خۇسۇسىيىتى پاختا تالاسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كۈچىنىشچانلىقى يۇقىرى، سۈركىلىشكە چىداملىقراق، يېنىك. ئۇ سىنتېتىك تالالار ئىچىدە سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈكرەك، تالالارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يازلىق كىيىملەرنى تىكىشكە باب كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن ئارغامچا، بېلىق تورى قاتارلىقلار ئېشىلىدۇ.

ۋىئولېت

  • ۋىئولېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ۋىئولېت گۈلى»گە قاراڭ.

ۋىئولېت گۈلى

  • ۋىئولېت گۈلى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

ۋىۋىسكا

  • ۋىۋىسكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە كوللېكتىپ ئورۇنلارنىڭ نامىنى يېزىپ ئىشىك ۋە دەرۋازا بېشىغا ئېسىپ قويىدىغان جاھاز.

ۋىيەي

  • ۋىيەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بۇ سۆزنى كۆپىنچە خوتۇن-قىزلار قوللىنىلىدىغان بولۇپ: 1) ئىزا تارتىش، ئوڭايسىزلىنىش ئىمالىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋىيەي، سىز بىر بويتاق، مەن بىر تۇل ئايال، قانداق مېھمان بولىمەن ئەمىسە[يەشمىسى:] 2) نارازى بولۇش ئىىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ۋىيەي، ئۆستەڭگە دەپ باغدىن نەچچە ھارۋا شاخ كېسىپ كەتتىغۇ...[يەشمىسى:] 3) چۆچۈش، قورقۇش ئىمالىرىنى بىلدۈرىدۇ: -[مىسال:] ۋىيەي، كىم بۇ دېدى رازىيە ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان كۆلەڭگۈنى كۆرۈپ.