ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

26 ئۇ🔗

ئۇⅠ

ئۇⅡ

ئۇ ئالەم

ئۇ ئالەم-بۇ ئالەم

ئۇ ئالەمگە ئۇزاتماق

ئۇ دۇنيا

ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا

ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا بولۇپ كەتمەك

ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونماق

ئۇ قىلىپ-بۇ قىلىپ

ئۇ كەم

ئۇنى بىر دېمە

ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ

ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرمەك

ئۇنىڭدىن كۆرە

ئۇ ياق-بۇ ياق قىلماق

ئۇ ياققا تارت-بۇ ياققا تارت

ئۇ يېرىنى ياپسا، بۇ يېرى ئېچىلماق

ئۇ-بۇ

ئۇپ

ئۇپا

ئۇپا-ئەڭلىك

ئۇپراتماق

ئۇپراشماق

ئۇپرىتىلماق

ئۇپرىماق

ئۇپۇق

ئۇپۇق سىزىقى

ئۇپىسىمان

ئۇپىلاتماق

ئۇپىلاشماق

ئۇپىلانماق

ئۇپىلىماق

ئۇتتۇر

ئۇتتۇر چىش

ئۇتتۇر كەلگىنىچە

ئۇتتۇرلاپ

ئۇتتۇرلۇق

ئۇتقۇزماق

ئۇتقۇزۇپ قويغان قىمارۋازدەك

ئۇتقۇزۇشماق

ئۇتماق

ئۇتوپىزم

ئۇتوپىست

ئۇتوپىيە

ئۇتوپىيىلىك

ئۇتۇشماق

ئۇتۇق

ئۇتۇقسىز

ئۇتۇقلۇق

ئۇتۇلماق

ئۇجماق

ئۇجۇر-بۇجۇر

ئۇجۇر-بۇجۇرىنى قويماي

ئۇجۇز

ئۇجۇزلىماق

ئۇجۇقتۇرماق

ئۇجۇقماق

ئۇجۇقۇشماق

ئۇجۇل

ئۇچⅠ

ئۇچ تارتماق

ئۇچىغا چىققان

ئۇچⅡ

ئۇچا

ئۇچىسى ئاپتاپ كۆرمەك

ئۇچىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن

ئۇچىسى قىچىشسا، گەدىنىنى قاشلايدىغان

ئۇچىسى قىچىشماق

ئۇچىنى قورۇماق

ئۇچار

ئۇچارقانات

ئۇچارلىق

ئۇچارلىق-تىنارلىق

ئۇچاستىكا

ئۇچبېگى

ئۇچتۇرپان

ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى

ئۇچراتماق

ئۇچراشما

ئۇچراشماق

ئۇچرىماق

ئۇچسىز

ئۇچقاق

ئۇچقورۇل

ئۇچقۇ

ئۇچقۇچى

ئۇچقۇچىسىز

ئۇچقۇچىلىق

ئۇچقۇر

ئۇچقۇرلۇق

ئۇچقۇن

ئۇچقۇن پاقا

ئۇچقۇندى

ئۇچقۇنلاتقۇچ

ئۇچقۇنلاتماق

ئۇچقۇنلانماق

ئۇچقۇنلىماق

ئۇچلاتماق

ئۇچلاشماق

ئۇچلانماق

ئۇچلايماق

ئۇچلۇق

ئۇچلۇق باش

ئۇچلۇق تۇمشۇق

ئۇچلىغۇچ

ئۇچلىماقⅠ

ئۇچلىماقⅡ

ئۇچلىنىش

ئۇچما

ئۇچماق

ئۇچۇپ يۈرمەك

ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەسلىك

ئۇچمۇئۇچ

ئۇچۇر

ئۇچۇر ئىلمى

ئۇچۇرتماق

ئۇچۇرچى

ئۇچۇرماⅠ

ئۇچۇرما بولماق

ئۇچۇرماⅡ

ئۇچۇرما نان

ئۇچۇرماق

ئۇچۇرۇلماق

ئۇچۇشچان

ئۇچۇشماق

ئۇچۇقⅠ

ئۇچۇق تەگمەك

ئۇچۇقⅡ

ئۇچۇقلاتماق

ئۇچۇقلاشماق

ئۇچۇقلانماق

ئۇچۇقلىماق

ئۇچۇندۇرماق

ئۇچۇنما

ئۇچۇنماق

ئۇچئۇن

ئۇچىلىق

ئۇختا

ئۇختىسىغا كەلمەك

ئۇخلاتماق

ئۇخلاشماق

ئۇخلىماق

ئۇخلاپ چۈش كۆرگەندەك

ئۇخلاپ چۈشى

ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن

ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ يوق

ئۇخلاپ چۈشىگە كىرمىگەن

ئۇخلىسا چۈشىگە كىرمەيدىغان

ئۇخلىماي چۈش كۆرمەك

ئۇدⅠ

ئۇدⅡ

ئۇدا

ئۇدار

ئۇدارسىز

ئۇدارلىق

ئۇدھىندى

ئۇدۇسقىماق

ئۇدۇق-بۇدۇق

ئۇدۇل

ئۇدۇل كەلمەك

ئۇدۇللانماق

ئۇدۇللۇق

ئۇدۇللىماق

ئۇدۇلمۇئۇدۇل

ئۇدۇم

ئۇدۇملۇق

ئۇرانⅠ

ئۇرانⅡ

ئۇرانⅢ

ئۇرانⅣ

ئۇران قىچقارماق

ئۇران-جۇرات

ئۇراننىت

ئۇرتوقاي

ئۇر-چاپ

ئۇر-چاپ قىلماق

ئۇرچۇق

ئۇرچۇقسىمان

ئۇرچۇقلۇق

ئۇر-سۈر

ئۇر-سۈر قىلماق

ئۇرغاچى

ئۇرغۇ

ئۇرغۇتماق

ئۇرغۇزماق

ئۇرغۇسىز

ئۇرغۇلۇق

ئۇرغۇماق

ئۇركالتەك

ئۇرماق

ئۇرۇپ-سوقۇپ

ئۇرۇچ

ئۇر-ئۇر

ئۇرۇش

ئۇرۇشپەرەس

ئۇرۇشپەرەسلىك

ئۇرۇش-تالاش

ئۇرۇشتۇرماق

ئۇرۇشتۇرۇلماق

ئۇرۇشخۇمار

ئۇرۇشخۇمارلىق

ئۇرۇشقاق

ئۇرۇشقاقلىق

ئۇرۇشماق

ئۇرۇق

ئۇرۇق چاچماق

ئۇرۇقىنى قۇرۇتماق

ئۇرۇق-ئايماق

ئۇرۇق-ئەجداد

ئۇرۇق-ئەۋلاد

ئۇرۇق-پۇشت

ئۇرۇق-تۇغقان

ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق

ئۇرۇق-تۇغقانلىق

ئۇرۇق-جەمەت

ئۇرۇقچا

ئۇرۇقچى

ئۇرۇقچىلىق

ئۇرۇقداش

ئۇرۇقداشلىق

ئۇرۇقدان

ئۇرۇقلاندۇرماق

ئۇرۇقلاندۇرۇلماق

ئۇرۇقلانماق

ئۇرۇقلۇق

ئۇرۇقلۇققىمۇ يوق

ئۇرۇقلىنىش

ئۇرۇڭقاي

ئۇرۇلماق

ئۇرۇنما

ئۇرۇنماق

ئۇرۇنۇشماق

ئۇرۋال

ئۇرىيە

ئۇر-يىقىت

ئۇر-يىقىت قىلماق

ئۇز

ئۇزاتقۇچى

ئۇزاتقۇزماق

ئۇزاتماق

ئۇزارتماق

ئۇزارتىشماق

ئۇزارتىلماق

ئۇزارماق

ئۇزاشماق

ئۇزاق

ئۇزاققا بارماي

ئۇزاق قەدىمكى زامان

ئۇزاقتىن

ئۇزاقتىن-ئۇزاق

ئۇزاقلاشتۇرۇشماق

ئۇزاقلاشتۇرۇلماق

ئۇزاقلاشماق

ئۇزاقلىق

ئۇزاقلىماق

ئۇزاق-ئۇزاق

ئۇزلاشتۇرماق

ئۇزلاشتۇرۇلماق

ئۇزلاشماق

ئۇزلۇق

ئۇزھال

ئۇزۇت

ئۇزۇن

ئۇزۇنغا چىق

ئۇزۇن قول

ئۇزۇن قوللۇق

ئۇزۇن قۇلاق

ئۇزۇن قۇلاقلىق

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى

ئۇزۇنتۇرا

ئۇزۇنچاق

ئۇزۇنچاقلىق

ئۇزۇندىن-ئۇزۇن

ئۇزۇن-قىسقا

ئۇزۇنلۇق

ئۇزۇنيان

ئۇزىتىلماق

ئۇزىماق

ئۇستا

ئۇستا كۆرگەن

ئۇستات

ئۇستاتلىق

ئۇستاز

ئۇستازلىق

ئۇستام

ئۇستىخان

ئۇستىخان سۈرمەك

ئۇستىخان سۈرۈشتۈرمەك

ئۇستىخىنى پاك

ئۇستىخىنى تازا

ئۇستىخىنى چۈشۈپ قالماق

ئۇستىخىنى قاتقان

ئۇستىخىنى قاتمىغان

ئۇستىخانا

ئۇستىخانلىق

ئۇستىخان-ئۇستىخىنى

ئۇستىخان-ئۇستىخىنىغا سىڭمەك

ئۇستىخان-ئۇستىخىنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك

ئۇستىرا

ئۇستىرلاپ

ئۇستىرىتسا

ئۇستىكار

ئۇستىكارلىق

ئۇستىكارلىق قىلماق

ئۇستىلىق

ئۇستىلىق قىلماق

ئۇستىلىق ئىشلەتمەك

ئۇسساتماق

ئۇسساشماق

ئۇسسۇز

ئۇسسۇزلۇق

ئۇسسۇل

ئۇسسۇلغا سالماق

ئۇسسۇلچى

ئۇسسۇلچىلىق

ئۇسسۇللۇق

ئۇسسۇلۇق

ئۇسسىماق

ئۇسقاق

ئۇسقۇزماق

ئۇسلۇب

ئۇسماق

ئۇسۇشماق

ئۇسۇل

ئۇسۇل-چارە

ئۇسۇلماق

ئۇش

ئۇشبۇ

ئۇشت

ئۇشت-ئۇشت

ئۇشتۇمتۇت

ئۇشتۇمتۇتلۇق

ئۇششاق

ئۇششاق سۆز

ئۇششاق گەپ

ئۇششاق-چۈششەك

ئۇششاق-چىپە

ئۇششاقلاتماق

ئۇششاقلاشماق

ئۇششاقلانماق

ئۇششاقلىقⅠ

ئۇششاقلىقⅡ

ئۇششاقلىماق

ئۇششۇق

ئۇششۇقلۇق

ئۇشلىماق

ئۇغۇنۇتتە

ئۇقا

ئۇقار

ئۇقاسىز

ئۇقاق

ئۇقالىق

ئۇقتۇرماق

ئۇقتۇرۇش

ئۇقماق

ئۇقۇشسىز

ئۇقۇشلۇق

ئۇقۇشماسلىق

ئۇقۇشماق

ئۇقۇشۇلماسلىق

ئۇقۇلماق

ئۇقۇم

ئۇقۇمداش

ئۇقۇمسىز

ئۇقۇمسىزلىق

ئۇقۇملاشتۇرۇش

ئۇقۇملۇق

ئۇكا

ئۇكرائىن

ئۇگلېرود

ئۇگىلانماق

ئۇگىلىماق

ئۇگىيا

ئۇل

ئۇلى بوش

ئۇلى چىڭ

ئۇلىنى چىڭدىماق

ئۇلىنى قۇرماق

ئۇلىنى كولىماق

ئۇلاتماق

ئۇلار

ئۇلاشتۇرما

ئۇلاشتۇرماق

ئۇلاشتۇرۇلماق

ئۇلاشماق

ئۇلاغ

ئۇلاغسىز

ئۇلاغ-قارا

ئۇلاغلىق

ئۇلاق

ئۇلاقتۇرماق

ئۇلاقچى

ئۇلاقچىلىق

ئۇلاقسىز

ئۇلاق-قۇراق

ئۇلاقلىق

ئۇلاڭ

ئۇلانما

ئۇلانماق

ئۇلايⅠ

ئۇلايⅡ

ئۇلتاڭ

ئۇلتاڭسىز

ئۇلتاڭلىق

ئۇلترا

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى

ئۇلترا قىسقا دولقۇن

ئۇلترا يۇقىرى بېسىم

ئۇلتىماتۇم

ئۇلداتماق

ئۇلداشماق

ئۇلدانماق

ئۇلدىماقⅠ

ئۇلدىماقⅡ

ئۇلغايتماق

ئۇلغايتىشماق

ئۇلغايتىلماق

ئۇلغايماق

ئۇللۇق

ئۇللىماق

ئۇلۇس

ئۇلۇغ

ئۇلۇغ بەھەڭ

ئۇلۇغ بوۋا

ئۇلۇغ تىنماق

ئۇلۇغ موما

ئۇلۇغزادە

ئۇلۇغ-كىچىك

ئۇلۇغ-كىچىك تىنماق

ئۇلۇغلاتماق

ئۇلۇغلاشماق

ئۇلۇغلانماق

ئۇلۇغلۇق

ئۇلۇغلىماق

ئۇلۇغ-ئۇششاق

ئۇلۇغۋار

ئۇلۇغۋارلىق

ئۇلىماق

ئۇماچ

ئۇماچ قورساق

ئۇماچخانا

ئۇماي

ئۇمتاق

ئۇمىۋالنىك

ئۇن

ئۇناتماق

ئۇناشماق

ئۇنتۇشماق

ئۇنتۇغاق

ئۇنتۇغاقلىق

ئۇنتۇق

ئۇنتۇلدۇرماق

ئۇنتۇلغۇسىز

ئۇنتۇلماس

ئۇنتۇلماق

ئۇنتۇماق

ئۇنچە

ئۇنچە-مۇنچە

ئۇنچىلا

ئۇنچىلىك

ئۇنچىۋالا

ئۇندا

ئۇندا-بۇندا

ئۇنداق

ئۇنداقتا

ئۇنداق-مۇنداق

ئۇنداقچى-مۇنداقچى

ئۇنداق-مۇنداق قىلىپ

ئۇنسۇر

ئۇنسۇرلۇق

ئۇنسىيە

ئۇنغىچە

ئۇنغىچىلىك

ئۇنۋان

ئۇنۋانسىز

ئۇنۋانلىق

ئۇنىماق

ئۇنىغانغا يونىغاندەك

ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي

ئۇنىۋېرسال

ئۇنىۋېرسىتېت

ئۇھ

ئۇھ تارتماق

ئۇھ دېمەك

ئۇھسىنماق

ئۇھلىماق

ئۇۋا

ئۇۋا ئىزلىگەن توخۇدەك

ئۇۋىسى بۇزۇلغان چۈمۈلىدەك

ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىدەك

ئۇۋاتماق

ئۇۋاشماق

ئۇۋاق

ئۇۋاقلاتماق

ئۇۋاقلاشماق

ئۇۋاقلانماق

ئۇۋاقلىماق

ئۇۋال

ئۇۋالى تۇتماق

ئۇۋالىغا قالماق

ئۇۋالى ئۆزىگە

ئۇۋالچىلىق

ئۇۋاللىق

ئۇۋالماق

ئۇۋەت

ئۇۋۇلاتماق

ئۇۋۇلاشماق

ئۇۋۇلانماق

ئۇۋۇلىماق

ئۇۋىلاتماق

ئۇۋىلاشماق

ئۇۋىلىق

ئۇۋىلىماق

ئۇۋىماق

ئۇۋىندى

ئۇي

ئۇينىڭ قۇلىقىغا ساتار چالماق

ئۇيا

ئۇيات

ئۇياتچان

ئۇياتچانلىق

ئۇياتچانئوت

ئۇياتسىز

ئۇياتسىزلىق

ئۇياتسىزلارچە

ئۇياتقۇزماق

ئۇياتقۇزۇشماق

ئۇياتلىق

ئۇياتلىق يەر

ئۇياتماق

ئۇيالدۇرماق

ئۇيالدۇرۇشماق

ئۇيالماق

ئۇ يان-بۇ يان

ئۇيخا

ئۇيسۇنلار

ئۇيغۇر

ئۇيغۇر تىلى

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى

ئۇيغۇر يېزىقى

ئۇيغۇرچە

ئۇيغۇرچىلاپ

ئۇيغۇرچىلاشتۇرماق

ئۇيغۇرشۇناس

ئۇيغۇرشۇناسلىق

ئۇيغۇن

ئۇيغۇن

ئۇيغۇنلاشتۇرماق

ئۇيغۇنلاشماق

ئۇيغۇنلۇق

ئۇيقا-تۇيقا

ئۇيقاش

ئۇيقۇ

ئۇيقۇسى ئېچىلماق

ئۇيقۇچان

ئۇيقۇچى

ئۇيقۇسىراتماق

ئۇيقۇسىراشماق

ئۇيقۇسىرىماق

ئۇيقۇسىز

ئۇيقۇسىزلىق

ئۇيقۇلۇقⅠ

ئۇيقۇلۇقⅡ

ئۇيقىلىماق

ئۇيۇتقا

ئۇيۇتما

ئۇيۇتماق

ئۇيۇتۇشماق

ئۇيۇتۇلماق

ئۇيۇشتۇرماق

ئۇيۇشتۇرۇشماق

ئۇيۇشتۇرۇلماق

ئۇيۇشقاق

ئۇيۇشقاقلىق

ئۇيۇشما

ئۇيۇشماقⅠ

ئۇيۇشماقⅡ

ئۇيۇق-تۇيۇق

ئۇيۇل

ئۇيۇلغۇ

ئۇيۇم

ئۇيۇماق

ئۇيۇندى

ئۇيىتىشماق

ئۇيىلىشماق

ئىزاھى

ئۇⅠ

  • ئۇⅠ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتە يىگىرمە ئالتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ئۇ» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدا شەخسلىك ئالماش ۋە كۆرسىتىش ئالماش شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: ① نۇزۇگۇم ئۇيغۇر قىزلىرىدىن چىققان قەھرىمان قىز، ئۇ بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئەركىنلىك ۋە مۇھەببەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتەك ئېسىل روھنى قالدۇرۇپ كەتتى. (شەخسلىك ئالماش) ② ئۇ يولدا ماشىنلار كۆپ، (كۆرسىتىش ئالماش)

  • «ئۇ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئۇ∥ۇ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئۇ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ۇ∥ئۇ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئۇ».

  • «ئۇ» تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلدىكى رولى جەھەتتىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن ئېگىز سوزۇق تاۋۇشتۇر.

  • «ئۇ»تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتى

  • 1. ئىككىنچى بوغۇمى ئېگ??سوزۇق تاۋۇش «ئۇ» بىلەن كەلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، ئىككىنچى بوغۇمى ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتسا «ئۇ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەسلى ئۈچ بوغۇم بولىدىغان سۆزلەر ئىككى بوغۇم بويىچە قالىدۇ. مۇنداق سۆزلەر ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئوغۇل + ۇم = ئوغلۇم، ئورۇن + ئۇ = ئورنۇم

  • 2. پېئىل زامانلىرىنىڭ سوراق شەكىللىرىدە «مۇ» ئۇلانمىسى قوشۇلغاندىن كېيىن ياردەمچى پېئىل كەلسە، «مۇ» ئۇلانمىسىدىكى «ۇ» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. يېزىقتا ۋە تەلەپپۇزدا چۈشۈپ قالغىنى ئاساس قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • تونۇغان + مۇ + ئىدى = تونۇغانمىدى

  • كۆرەر + مۇ + ئىكەن = كۆرەرمىكەن

  • 3. ئېگىز سوزۇق تاۋۇش بولغان «ئۇ» تاۋۇشى بىلەن باشلانغان سۆزلەردە «ئۇ» سوزۇق تاۋۇشىغا «ت، پ، چ، ك، ق، س، ش» ئۈزۈك تاۋۇشلىرى ياندىشىپ كەلسە، «ئۇ» سوزۇق تاۋۇشى جاراڭسىزلىشىدۇ، (تاۋۇش پەردىسى تىتىرىمەيدۇ)

  • مەسىلەن: ئۇششاق ئۇستا، ئۇتتۇر…

  • 4. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ۇ» باغلىغۇچىسى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلماي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

  • باغۇ بوستان، دادۇ پەرياد، ئەيشۇ ئىشرەت …

ئۇⅡ

  • ئۇⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] [يەشمىسى:] Ⅲ ① شەخس ئالمىشىنىڭ بىرلىكى بولۇپ، ئۈستىدە سۆز بولۇۋاتقۇچىنىڭ ئادەم ياكى نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بارات تاشۋاينىڭ قولىدىكى راۋابنى ئالىدۇ، مۆمىن ئاكا ئۇنى ھاپاش قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② سۆزلىگۈچىگە بىرئاز يىراق بولغان ياكى سۆزلىگۈچى يىراق ھېسابلىغان ئادەم، نەرسە، ۋەقە ھادىسە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] بۇ بۈگۈنكى گېزىتمۇ ياق، ئۇ كونا گېزىت.[يەشمىسى:] ③ ۋاقىت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، نىسبەتەن بىرئاز ئىلگىرىكى كونكرېت ۋەقەلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئۇ كۈنى مەن ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە مۇشۇ باغقا كەلگىنىنى سېزىپ قالدىم.

ئۇ ئالەم

  • ئۇ ئالەم[يەشمىسى:] «ئۇ دۇنيا»غا قاراڭ:[مىسال:] كىشىگە زەررىچە بولسىمۇ نەپ بېرىدىغان كۈچ ۋە ئەقىل-ئىدراكنى ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كېتىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە

ئۇ ئالەم-بۇ ئالەم

  • ئۇ ئالەم-بۇ ئالەم[يەشمىسى:] «ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا»غا قاراڭ:[مىسال:] چوقۇم تۆلەپ بېرىڭلار، ماڭا ئوخشاش بىر تۇل خوتۇنغا زىيان ئۇرساڭلار خۇدايىم ئۇ ئالەم-بۇ ئالەم كەچۈرمەيدۇ.

ئۇ ئالەمگە ئۇزاتماق

  • ئۇ ئالەمگە ئۇزاتماق[يەشمىسى:] ئۆلتۈرمەك، يوق قىلماق:[مىسال:] زەر مانا مېنىڭ قولۇمدىكى ئۇستىرا، بۇ سېنى مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىدۇ.

ئۇ دۇنيا

  • ئۇ دۇنيا[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆلگەندىن كېيىن روھ ياشايدىغان جاي؛ باقىي دۇنيا، قىيامەت:[مىسال:] ئۇ دۇنيانى بىر كۆرەي دەپ، شۇ ياققا بېرىۋىدىم، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئەپەندىم.

ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا

  • ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا[يەشمىسى:] ① ھەر ئىككى دۇنيا، ھازىرقى ياشاۋاتقان دۇنيا ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى دۇنيا:[مىسال:] سىلىدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا خۇش بولۇپ كېتەتتىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسلا، ھەرگىز، مەڭگۈ:[مىسال:] سەن قىلىۋالدىم دەپ ئويلاپ قالما، بۇ ئىشلار ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا ئېسىمدىن چىقمايدۇ، دېدى ئۇ غەزەپ بىلەن.

ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا بولۇپ كەتمەك

  • ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا بولۇپ كەتمەك[يەشمىسى:] ياخشىلىشالمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق ئازارلاشماق، مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلمەك:[مىسال:] بۇ ئىككىسى گەپ تالىشىپلا ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا بولۇپ كېتىشتى، ھازىرچە بۇلارنى ياراشتۇرماق تەس.

ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونماق

  • ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونماق[يەشمىسى:] «شاختىن شاخقا قونماق»قا قاراڭ:[مىسال:] مەن راستىنلا چالىقۇشتەك يەنىلا ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونۇپ يۈرىمەنمۇ

ئۇ قىلىپ-بۇ قىلىپ

  • ئۇ قىلىپ-بۇ قىلىپ[يەشمىسى:] ھەر خىل چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ:[مىسال:] دېھقانلار ئاخىرى ئۇ قىلىپ-بۇ قىلىپ توغاننى ئېتىپ سۇنى ئېتىزغا باشلىدى.

ئۇ كەم

  • ئۇ كەم[يەشمىسى:] سۆز بولۇۋاتقاندىن ئىلگىرىكى پەيت، مەزگىل:[مىسال:] ئۇ كەمدە ئالىي مەلۇمات ئېلىش نەدە تۇرۇپتۇ، ئارىمىزدا بىر چەتتىن يەر ئىسلاھاتىغا قاتنىشىپ، يەنە بىر چەتتىن ساۋاتىنى چىقارغانلارمۇ بار.

ئۇنى بىر دېمە

  • ئۇنى بىر دېمە[يەشمىسى:] راست دېدىڭ؛ دېمىسىمۇ شۇنەتۇردۇم.Ⅸ机?تۈرى: رقانداق ئىشنى بىردەمدىلا تۈگىتىۋاتىدۇ. * ئۇنى بىر دېمە، ئۇ دائىم شۇنداق ئىچىۋالىدۇ.

ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ

  • ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ[يەشمىسى:] ھەر خىل گەپلەرنى قىلىپ، تۈرلۈك سۆزلەرنى سۆزلەپ:[مىسال:] ھېلىم باينىڭ بۇ باغقا كۆزى چۈشۈپ، ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ يۈرۈپ، ئاخىر بېغىمنى تارتىۋالدى.

ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرمەك

  • ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرمەك[يەشمىسى:] بىرىنىڭ ئىشىنى باشقا بىرىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىپ گوللىماق، بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىرقانچە ئادەمنى ئالدىماق:[مىسال:] خۇشامەت، ياغلىما سۆزلەرگە ئۇستا نامان تۈلكە ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈپ، ئارىدىن نەپ ئېلىشقا ماھىر ئىدى.

ئۇنىڭدىن كۆرە

  • ئۇنىڭدىن كۆرە[يەشمىسى:] يۇقىرىدا دېيىلگەندەك قىلغاننىڭ ئورنىدا:[مىسال:] ئەل بولغان بىلەنمۇ بىكار، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاستا ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ يولىغا ماڭساق بولغۇدەك، دېدى ليۇ جېشىن.

ئۇ ياق-بۇ ياق قىلماق

  • ئۇ ياق-بۇ ياق قىلماق[يەشمىسى:] بىر تەرەپ قىلماق، ھەل قىلماق:[مىسال:] — بىزمۇ بۇ شىركەتكە ئاز ئەجىر سىڭدۈرمىدۇق، ئەمدى قېرىغاندا بۇنچىلىك ئىشلارنى ئۇ ياق-بۇ ياق قىلالمىساق، ئۇ بىردىن گېپىدىن توختاپ قالدى.

ئۇ ياققا تارت-بۇ ياققا تارت

  • ئۇ ياققا تارت-بۇ ياققا تارت[يەشمىسى:] ھەممىسى ئۆزىنىڭ دېگىنىدە چىڭ تۇرۇش، تالاش-تارتىش:[مىسال:] ئىككى كۈن بولدى. ئۇ ياققا تارت-بۇ ياققا تارت بىلەن بىر ۋەكىلنى سايلىيالمايۋاتىمىز.

ئۇ يېرىنى ياپسا، بۇ يېرى ئېچىلماق

  • ئۇ يېرىنى ياپسا، بۇ يېرى ئېچىلماق[يەشمىسى:] قىلمىشلىرىنىڭ بىرىنى يوشۇرسا، يەنە بىرى چۇۋۇلۇپ چىقماق:[مىسال:] ئەختەم نەپسىنى ئەنە شۇنداق قويۇۋەتكەچكە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كەلگەندە يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ يېرىنى ياپسا، بۇ يېرى ئېچىلىپ قىلغان ئەتكەنلىرى ھەممىگە ئاشكارىلاندى.

ئۇ-بۇ

  • ئۇ-بۇ[يەشمىسى:] ئۇ ھەم بۇ؛ مەلۇم بىرقانچە كىشى:[مىسال:] ئۇ شۇنداق ئۇرغان بولسىمۇ گەپ قىلماي تۇردۇم، يولدىن ئۆتكەن ئۇ-بۇ كېلىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.

ئۇپ

  • ئۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يازنىڭ قىزىق، تىنچىق، ئاپتىپى.

ئۇپا

  • ئۇپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەرداز قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي، ناھايىتى يۇمشاق تالقان:[مىسال:] ئۇپا سۈرتمەك. ئۇپا قۇتىسى.

ئۇپا-ئەڭلىك

  • ئۇپا-ئەڭلىك[يەشمىسى:] يۈز-قول قاتارلىقلارنى پەرداز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇپا، ئەڭلىك، سۈرمە، يۈز مېيى قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى:[مىسال:] ئۇ ئەتىر ۋە ئۇپا-ئەڭلىك پۇرىقى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرغان چىرايلىق قىزنى ماڭا تونۇشتۇردى.

ئۇپراتماق

  • ئۇپراتماق[يەشمىسى:] «ئۇپرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تولا پىيادە مېڭىپ ئايىغىمنىڭ پاشنىسىنى ئۇپرىتىۋەتتىم.

ئۇپراشماق

  • ئۇپراشماق[يەشمىسى:] «ئۇپرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇلار خەقنىڭ ئىشىغا نېمانچە ئۇپرىشىدىغاندۇ

ئۇپرىتىلماق

  • ئۇپرىتىلماق[يەشمىسى:] «ئۇپراتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۇپرىماق

  • ئۇپرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسۋاب، ئۈسكۈنە قاتارلىقلار سۈركىلىش ياكى كۆپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ھەجمى، مىقدارى ئازىيىپ، كىچىكلەپ بارماق:[مىسال:] چولاق كەتمەنلەرنى، ئۇپراپ بۇقىنىڭ ماڭلىيىدەك بولۇپ قالغان جوتۇلارنى كۆتۈرگەن كىشىلەر ھايال ئۆتمەي بۇ يەردە پەيدا بولۇشتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىكار ئاۋارە بولۇپ ئارتۇقچە جاپا چەكمەك، قىينالماق، ئۆزىنى ئالدۇرماق:[مىسال:] ئولتۇر بالام، ئولتۇر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئۇپرىغىنىمىزدىن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك، گەپ قىلساڭ يەرگە قاراپ تۇرغىنى تۇرغان.

ئۇپۇق

  • ئۇپۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاسمان بىلەن يەر ياكى سۇ يۈزىنىڭ كۆز يەتكۈدەك يىراقلىقتا تۇتاشقاندەك كۆرۈنىدىغان قىسمى:[مىسال:] شىمال تەرەپتە تاغ تىزمىلىرى بارغانچە بىر تال يىپ بولۇپ ئاخىرى ئۇپۇققا چۆكۈپ كېتەتتى.

ئۇپۇق سىزىقى

  • ئۇپۇق سىزىقى[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] گورىزونتال يۆنىلىشتە قارىغاندا، ئاسمان بىلەن يەر چېگرىلىنىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان سىزىق.

ئۇپىسىمان

  • ئۇپىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇپىغا ئوخشاش ئاپئاق ۋە يۇمشاق:[مىسال:] بوۋاي قىغدىكى ئاقۇچ ئۇپىسىمان چېچەكنى ئالىقىنىغا ئېلىپ ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ قالدى.

ئۇپىلاتماق

  • ئۇپىلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇپىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۇپىلاشماق

  • ئۇپىلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇپىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇپىلانماق

  • ئۇپىلانماق[يەشمىسى:] «ئۇپىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاقنىڭ بويۇن ۋە تېقىملىرىدىكى ئاقتىن قارىغاندا ئۇنىڭ ھازىرلا يۇيۇلۇپ ئۇپىلانغانلىقى مەلۇم ئىدى.

ئۇپىلىماق

  • ئۇپىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇپا سۈركىمەك، ئۇپا بىلەن پەرداز قىلماق:[مىسال:] سەلىمە يۈزلىرىنى ئۇپىلاپ ئەينەك ئالدىغا كەلدى.

ئۇتتۇر

  • ئۇتتۇر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىرنەرسىنىڭ ئۇدۇلى، ئالدىغا جايلاشقان، ئۇدۇل:[مىسال:] ئۇتتۇر چىش. ∥ مەكتەپنىڭ ئۇتتۇرىدا بىر كىچىك دۇكان بار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھېچ يەرگە بۇرالماي، توپتوغرا، ئۇدۇل:[مىسال:] ھويلا بۈككىدە دەرەخلىك، گۈلزارلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كەڭ تاشلار ياتقۇزۇلغان بىر يول تاكى چوڭ كۆلگىچە ئۇتتۇر باراتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېھتىياجغا تۇشلۇق، ئۇدۇللۇق:[مىسال:] شەھەر قىممەتچىلىك، مەن ئۇتتۇر تېپىپ، ئۇتتۇر خەجلەپ ئۆگىنىپ قېلىپ، پۇل توپلىيالماي قالغان ئادەم.

ئۇتتۇر چىش

  • ئۇتتۇر چىش[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئاستى-ئۈستى جاغنىڭ مەركىزىي قىسمىدىكى چىش. ئادەملەرنىڭ ئاستى-ئۈستى جاغدا تۆت تالدىن بولىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى ئىسكىنىگە ئوخشاش بولۇپ، نەرسىلەرنى كېسىشكە ماسلاشقان.

ئۇتتۇر كەلگىنىچە

  • ئۇتتۇر كەلگىنىچە[يەشمىسى:] قانداق توغرا كەلسە شۇنداق، بولۇشىچە:[مىسال:] ئۇنداقتا، ئېرىشىشتە لەززەت يوق دەپ ھېچ نەرسىگە ئىنتىلمەسلىك كېرەكمۇ بولۇشىغا ئۇتتۇر كەلگىنىچە ياشاش كېرەكمۇ

ئۇتتۇرلاپ

  • ئۇتتۇرلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھېچ يەرگە بۇرۇلماي، ئۇدۇل، توپتوغرا:[مىسال:] مەن كالىچىمنى ساپتىم، ئۇتتۇرلاپ بۇ ياققا ماڭدىم.

ئۇتتۇرلۇق

  • ئۇتتۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ئۇدۇللۇق»قا قاراڭ:[مىسال:] قاۋۇل دەسلىپىدە مۇداپىئىدە تۇرۇپ قايسى يېقىنلاشسا شۇنى ئۇتتۇرلۇق ئەدەپلىگەچ، بۇ ئىككىسىنىڭ قانچىلىك گۇمپىسى بارلىقىنى بايقاپ چىقتى.

ئۇتقۇزماق

  • ئۇتقۇزماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېرىشىشكە تېگىشلىك مۇۋەپپەقىيەت ۋە نەتىجىنى قولدىن بېرىپ قويماق، يېڭىلمەك:[مىسال:] ئون ئىككى مىڭ بۇنچىلىك پۇلنى ئۇ دۆۋە-دۆۋە ئالتۇننى ئۇتقۇزغان ياكى ئۇتقان جايدىن تاپالايدۇ.

ئۇتقۇزۇپ قويغان قىمارۋازدەك

  • ئۇتقۇزۇپ قويغان قىمارۋازدەك[يەشمىسى:] ناھايىتى غەمكىن، مەيۈس، پەرىشان:[مىسال:] ھوشۇر ئىمام ئۇتقۇزۇپ قويغان قىمارۋازدەك كىگىزنى تاتىلاپ جىم ئولتۇراتتى.

ئۇتقۇزۇشماق

  • ئۇتقۇزۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇتقۇزماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ئىككى يىللىق ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن پۇللىرىنى بىر قىمارۋازغا ئۇتقۇزۇشۇپ، ئۆيىگە قايتىشتىن خىجىلچىلىقتا چەت يۇرتلارغا مېڭىشقا تەمشەلدى.

ئۇتماق

  • ئۇتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۈچ سىنىشىش، مۇسابىقە، ئويۇن قاتارلىقلاردا بەسلەشكۈچى قارشى تەرەپتىن ئۈستۈن كەلمەك؛ يەڭمەك:[مىسال:] شۇ كۈنى مەن بار كۈچۈم بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىلىچاقتىن ئون نەچچە قەدەم بۇرۇن پەللىگە يېتىپ ئون سامسا ئۇتۇۋالدىم.[يەشمىسى:] ② ئۆزىگە قارىتىۋالماق:[مىسال:] كەپتىرىم كۆرۈنمەيدۇ، كەپتەرۋاز تۇتۇۋالدى. غۇنچە بويلۇق قارا كۆز كۆڭلۈمنى ئۇتۇۋالدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېجەپ قالماق، ئىقتىساد قىلماق:[مىسال:] شۇ بويىچە رېمونت قىلىنسا، ۋاقىتتىنمۇ، كۈچتىنمۇ ئۇتىمىز.

ئۇتوپىزم

  • ئۇتوپىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] خىيالپەرەسلىك، خام خىياللىق.

ئۇتوپىست

  • ئۇتوپىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىياللارنى قىلغۇچى، خىيالپەرەس ئادەم.

ئۇتوپىيە

  • ئۇتوپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① توماس مور ئوتتۇرىغا قويغان خىيالىي سوتسىيالىزم تەلىماتى. [يەشمىسى:] ② ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيال، قۇرۇق ئارزۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر ئاساسىدا تەسۋىرلىگۈچى بەدىئىي ئەسەر.

ئۇتوپىيىلىك

  • ئۇتوپىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇتوپىيىگە ئائىت، ئۇتوپىيە خاراكتېرىدىكى، خىيالىي.

ئۇتۇشماق

  • ئۇتۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇتۇق

  • ئۇتۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېرىشكەن نەتىجە، مۇۋەپپەقىيەت، غەلىبە:[مىسال:] مەن بۇ جاۋابنى بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مۇھىم بىر ئۇتۇقى دەپ، ئىنتايىن خۇش بولدۇم.[يەشمىسى:] ② خىزمەت، ئىش قاتارلىقلارنى يەكۈنلەش داۋامىدىكى ئىجابىي تەرەپلەر؛ نەتىجە:[مىسال:] بىر ئادەمنىڭ خىزمىتىدە ئۇتۇق يەتتە ئۈلۈش كەمچىلىك ئۈچ ئۈلۈش بولسا ئۇنىڭ خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بولغان بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئۇتۇقسىز

  • ئۇتۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇتۇقى، نەتىجىسى يوق؛ ئۇتۇق قازىنىلمىغان:[مىسال:] بۇ ئۇتۇقسىز ئەمگىكىدىن كۆڭلى غەش بولۇپ، ئولتۇرۇشتى ئۇلار بىردەم تاشتا زوڭزىيىپ.

ئۇتۇقلۇق

  • ئۇتۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇتۇقى، نەتىجىسى بار؛ ئۇتۇق قازىنىلغان:[مىسال:] دادا، بۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا گۇمان بىلەن قارىماڭ، كۆپچىلىك مەسلىھەت بىلەن ئۆز تەجرىبىلىرىنى قوشۇپ قىلغاندىن كېيىن، ئىش ئۇتۇقلۇق چىقىدۇ، دېدى بالا.

ئۇتۇلماق

  • ئۇتۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ نۆۋەت مەلىكە قەستەن يولنى خاتا مېڭىپ ئۇتۇلۇپتۇ.

ئۇجماق

  • ئۇجماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] جەننەت:[مىسال:] مەردكە مەشرەپ يارىشار شەكسىز، زەپەر بىلەن توي ھامان قوشماق. چۈنكى غەيرەت-شىجائىتىڭدە. يارالماقتا يۇرتۇڭدا ئۇجماق.

ئۇجۇر-بۇجۇر

  • ئۇجۇر-بۇجۇر[يەشمىسى:] كېلىپ چىقىش، ئىچكى ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك ئۇششاق-چۈششەك ھەممە تەرەپلەر، ھەممە ياق، ھەممە:[مىسال:] بىز كۈندە بىرنەچچە خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى تازا چۈشەندۇق.

ئۇجۇر-بۇجۇرىنى قويماي

  • ئۇجۇر-بۇجۇرىنى قويماي[يەشمىسى:] ھېچنېمىنى قالدۇرماي، ھەممىنى:[مىسال:] قاسىم سورىغاندىمۇ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى قويماي سورايتتى-دە، ئاندىن قايتا-قايتا مەشىق قىلاتتى.

ئۇجۇز

  • ئۇجۇز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاجىز، خار، پەس؛ ئەرزان.

ئۇجۇزلىماق

  • ئۇجۇزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خارلىماق، پەس كۆرمەك.

ئۇجۇقتۇرماق

  • ئۇجۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇجۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار، دەپتۇ ۋەزىر، بۇ ھارامزادىنى شۇ يەردىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتەتتىم.

ئۇجۇقماق

  • ئۇجۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يوقالماق، ئۆلمەك، تۇنجۇقماق:[مىسال:] ياسىن تامغا ئېسىلغان پالاقنى قولىغا ئېلىپ «ۋاققىدە» بىرنى سالغانىدى، چىۋىن دەرھال ئۇجۇقتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ قىلالماي قالماق، جىمىپ كەتمەك:[مىسال:] تاشۋاي بېشىنى سېلىپ ئۇجۇقۇپلا كەتتى.

ئۇجۇقۇشماق

  • ئۇجۇقۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇجۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قورققىنىدىن ئۇجۇقۇشۇپلا كەتتى.

ئۇجۇل

  • ئۇجۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىكەن غولىنىڭ باش قىسمى ئىچىدە بولىدىغان بىر خىل سېرىق ماددا، ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇچⅠ

  • ئۇچⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئىنچىكىلەشكەن، ئۆتكۈر تەرىپى:[مىسال:] يىڭنىنىڭ ئۇچى. بىگىزنىڭ ئۇچى. نەيزىنىڭ ئۇچى.[يەشمىسى:] ② يىپ، سىم، تاياق قاتارلىقلار تەرەپلىرىنىڭ بىر بېشى:[مىسال:] ئارغامچىنىڭ ئۇچى. تاياقنىڭ ئۇچى.[يەشمىسى:] ③ قول، پۇت، بۇرۇن قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئاخىرقى قىسمى:[مىسال:] بارماقنىڭ ئۇچى. ساقالنىڭ ئۇچىنى قىرقىماق.[يەشمىسى:] ④ بۇرجەكلىك بۇيۇملارنىڭ بۇرجىكى:[مىسال:] ياغلىقنىڭ ئۇچى. گالستۇكنىڭ چوڭ ئۇچى.[يەشمىسى:] ⑤ تىك ھالەتتىكى نەرسىلەرنىڭ يۇقىرى قىسمى، چوققىسى:[مىسال:] تام تۈۋىدىن، دەرەخ ئۇچىدىن، ئادەم ئىچىدىن قېرىيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشلىنىش قىسمى، بېشى:[مىسال:] ئۇ بىرئاز ياقتۇرماسلىق، كەمسىتىش تەلەپپۇزى بىلەن گەپنىڭ ئۇچىنى چىقاردى.[يەشمىسى:] ⑦ گاڭبى قاتارلىقلارنىڭ خەت يازىدىغان، پۇلاتتىن ياسالغان قىسمى.⑧ تۇخۇمنىڭ توم، يوغان بولمىغان تەرىپى:[مىسال:] سىيىت مەشرەپكە كۆرەڭلەپ:[مىسال:] مۇشۇنداق توخۇمدىن ئىككى يۈزنىڭ ئۇچ-پاينىكىنى ئۇرۇۋالىمەن، دېدى.[يەشمىسى:] ⑨ مىلتىق، ئاپتومات قاتارلىقلارنىڭ قولدا تۇتىدىغان قىسمىغا قارىمۇقارشى تەرىپى:[مىسال:] مىلتىقنىڭ ئۇچىنى تەڭلىمەك.

ئۇچ تارتماق

  • ئۇچ تارتماق[يەشمىسى:] بوي تارتىپ ئۆسمەك، ئېگىزلىمەك، سوزۇلماق.

ئۇچىغا چىققان

  • ئۇچىغا چىققان[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كەتكەن؛ ئەڭ ئالدىنقى:[مىسال:] بۇ بەگنىڭ يېنىدا ئۇچىغا چىققان بىر يامان ئوغرى بار.

ئۇچⅡ

  • ئۇچⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگىرىش ئۈچۈن ئېتىلغان پاختىدىن تەييارلانغان پىلتا:[مىسال:] ئۇچ ئېگىرمەك.

ئۇچا

  • ئۇچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەل ئومۇرتقا ئەتراپى:[مىسال:] ئۇچىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە بارار (ماقال). * خوتۇن ئالدىڭ-ئۇچاڭغا ئوتۇن ئالدىڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۈستۋاش، ئۈست:[مىسال:] يارىشىپتۇ ئەجەبمۇ، ئەتلەس كۆڭلەك ئۇچاڭغا. قاچانغىچە كېلىمەن، دىۋانىدەك كوچاڭغا.

ئۇچىسى ئاپتاپ كۆرمەك

  • ئۇچىسى ئاپتاپ كۆرمەك[يەشمىسى:] «دۈمبىسى ئاپتاپ كۆرمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۈچ-تۆت يىل بولدى، ئەھۋال ئۆزگەردى، دېھقانلارنىڭ ئۇچىسىمۇ ئاپتاپ كۆردى.

ئۇچىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن

  • ئۇچىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن[يەشمىسى:] جاپا تارتمىغان؛ چېنىقمىغان:[مىسال:] بۈگۈن ئۇچىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن يىگىتلەرنىڭ خامان سورۇشتىكى غەيرىتى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىدىغان بىر كۈن كېلىپتۇ.

ئۇچىسى قىچىشسا، گەدىنىنى قاشلايدىغان

  • ئۇچىسى قىچىشسا، گەدىنىنى قاشلايدىغان[يەشمىسى:] «دۈمبىسى قىچىشسا، گەدىنىنى تاتىلايدىغان»غا قاراڭ:[مىسال:] نەدىكىنى ئۇچىسى قىچىشسا گەدىنىنى تاتىلايدىغان نېمىلەرنى ئەۋەتكىنى نېمىسى.

ئۇچىسى قىچىشماق

  • ئۇچىسى قىچىشماق[يەشمىسى:] «دۈمبىسى قىچىشماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇچاڭ قىچىشىپ تۇرامدۇ كەل بولمىسا ئوتۇن توشۇ.

ئۇچىنى قورۇماق

  • ئۇچىنى قورۇماق[يەشمىسى:] توڭدۇرماق:[مىسال:] ئۇچىنى قورۇيدىغان سوغۇقتا يولغا چىققان يولۇچىلار قونالغۇغا كېلىپ گۈلخان سالدى.

ئۇچار

  • ئۇچار[يەشمىسى:] ① «ئۇچماق» پېئىلىنىڭ سۈپەتدىشى:[مىسال:] ئۇچار گىلەم. تىك ئۇچار ئايروپىلان.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى تېز يۈرىدىغان:[مىسال:] ئۇچار ئات. * خالايىق، بەكمۇ تېز دەيدۇ ئۇچار تۇلپارنى، شۇڭقارنى، ئۇلارنى ئارقىدا تاشلاپ جەسۇر-مەردانە ماڭغان قىز.

ئۇچارقانات

  • ئۇچارقانات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇچار+قاتات[[يەشمىسى:] ئۇچىدىغان قۇشلار:[مىسال:] ئۇ يەردە تۈرلۈك-تۈمەن ئۇچار قانات، جان-جانىۋارلار جىق بولۇپلا قالماستىن، يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ بار ئىكەن.

ئۇچارلىق

  • ئۇچارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسماندا ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان قۇش قاتارلىقلار.

ئۇچارلىق-تىنارلىق

  • ئۇچارلىق-تىنارلىق[يەشمىسى:] ئاسماندا ئۇچىدىغان، يەردە ماڭىدىغان بارلىق جانلىقلار.

ئۇچاستىكا

  • ئۇچاستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش، پائالىيەت ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان يەر بۆلىكى، مەيدان:[مىسال:] سايلام ئۇچاستىكىسى. ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئۇچاستىكىسى.[يەشمىسى:] ② ئىش-ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى، تارماق، ساھە:[مىسال:] 20 نەچچە يىل يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ھازىر زاۋۇت بويىچە ھەربىر سېخ، ئۇچاستىكا، پەن-گۇرۇپپىدا مىللىي كادىرلار بار بولدى.[يەشمىسى:] ③ تۆمۈريول، تاشيول لىنىيىسىدىكى يول ئاسرىغۇچى ئىشچىلار تەشكىلاتى ۋە ئۇلار ئورۇنلاشقان جاي:[مىسال:] بۇ سومكا تۆمۈريول تارماق ئۇچاستىكىسى ئاشخانىسىنىڭ زاپخوزى يوقىتىپ قويغان سومكا بولۇشى مۇمكىن.

ئۇچبېگى

  • ئۇچبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇچ+بەگ+ى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] تارىختا ئوتلاق، دېھقانچىلىق بېجى قاتارلىقلارنى ئالىدىغان ئەمەلدار: سايىم ئۇچبېگى قېچىپ كېتىۋېتىپ نىياز پالۋاننى ئېتىپ قويدى.

ئۇچتۇرپان

  • ئۇچتۇرپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيە.

ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى

  • ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] 1765-يىلى شىنجاڭ ئۇچتۇرپاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىغان قوراللىق قوزغىلىڭى.

ئۇچراتماق

  • ئۇچراتماق[يەشمىسى:] ① «ئۇچرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] زىيانغا ئۇچراتماق.[يەشمىسى:] ② ئىلگىرى كۆرمىگەن، يولۇقمىغان ئادەم، ئەھۋال ياكى ئىشنى كۆرمەك، يولۇقتۇرماق:[مىسال:] بىز ئايلانغان 10 نەچچە ناھىيىنىڭ ئىچىدە خۇرشىدەمدەك قىزنى ئۇچراتمىغانىدۇق.

ئۇچراشما

  • ئۇچراشما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قارىمۇقارشى تەرەپ دەلمۇدەل ياكى يۈز تۇرانە ئېلىپ بارىدىغان:[مىسال:] ئۇچراشما جەڭ.

ئۇچراشماق

  • ئۇچراشماق[يەشمىسى:] ① «ئۇچرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا-بالا يول ئۈستىدە ئۇچراشتى.[يەشمىسى:] ② روبىرو كەلمەك، ئۇدۇللاشماق:[مىسال:] دەل شۇ دەقىقىدە بەختىگۈلمۇ ئارقىغا قارىغانىدى، ئىككىسىنىڭ كۆزى ئۇچراشتى.

ئۇچرىماق

  • ئۇچرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇدۇلىدىن، قارىشىسىدىن چىقماق، روبىروسىغا كېلىپ قالماق:[مىسال:] قارىغۇ مۈشۈككە ئۈلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② تېپىلماق، چىقماق:[مىسال:] ئارىمىزدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ ئالىدىغانلارمۇ ئۇچرايتتى.[يەشمىسى:] ③ نامايان بولماق، كۆرۈلمەك:[مىسال:] يازنىڭ ھاۋاسى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، سەپرادىن بولغان كېسەللىكلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ.[يەشمىسى:] ④ نېسىپ بولماق، يولۇقماق:[مىسال:] تاللاپ-تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ دۇچار بولماق، دۇچ كەلمەك، يولۇقماق:[مىسال:] پالاكەتكە ئۇچرىماق. زىيانغا ئۇچرىماق. كاشىلىغا ئۇچرىماق. غەزەپكە ئۇچرىماق. قەستكە ئۇچرىماق. تەھدىتكە ئۇچرىماق.

ئۇچسىز

  • ئۇچسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇچى يوق، ئۇچ چىقىرىلمىغان:[مىسال:] ئۇچسىز قەلەم.

ئۇچقاق

  • ئۇچقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسانلا پارغا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىدىغان، ئۇچۇشچان:[مىسال:] بېنزىن ئۇچقاق كېلىدۇ.

ئۇچقورۇل

  • ئۇچقورۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىرتتىن باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەننى كۆرۈپ، ئوت يېقىپ خەۋەر بېرىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىگە سېلىنغان قوغدىنىش تۇرى، مۇنارى.

ئۇچقۇ

  • ئۇچقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئايروپىلان:[مىسال:] كۆكسېرى ئۇچقاندا ئۇچقۇ لىككىدە، كۆز يېشىم تولدى چاناققا لىققىدە.

ئۇچقۇچى

  • ئۇچقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئايروپىلان، راكېتا قاتارلىقلارنى ھەيدەيدىغان كىشى.

ئۇچقۇچىسىز

  • ئۇچقۇچىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇچقۇچىسى يوق، ئۇچقۇچى باشقۇرمايدىغان:[مىسال:] ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان.

ئۇچقۇچىلىق

  • ئۇچقۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئايروپىلان، راكېتا قاتارلىقلارنى ھەيدەش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] رىزۋان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە ئۇچقۇچىلىق قىلىدۇ.

ئۇچقۇر

  • ئۇچقۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۇچىدىغان، تېز ئۇچىدىغان:[مىسال:] ئۇچقۇر پاقا.[يەشمىسى:] ② ئۇچقاندەك يۈرىدىغان، ناھايىتى تېز:[مىسال:] بۇ ئات شامەخسۇتنىڭ ئوردىسىدىكى ئەڭ ئۇچقۇر ئاتلارنىڭ بىرى ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسكە ئېلىنىشى تېز بولغان، تەسەۋۋۇردا دەرھال ئەكس ئېتىدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇچقۇر خىيالى بېيجىڭنىڭ ئاجايىپ گۈزەل گۈل-چىمەنلىكلىرىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى.

ئۇچقۇرلۇق

  • ئۇچقۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېز ئۇچىدىغان ئىقتىدار:[مىسال:] شۆھرەتتە لاچىننىڭ ئۇچقۇرلۇقى بار، چوققىلار ئۈستىدە ئۇنىڭ پەرۋازى. يالت قىلىپ ئۆتىدۇ قۇياش ئاستىدىن، قۇلاقتا قالىدۇ پەقەت ساداسى.

ئۇچقۇن

  • ئۇچقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ چاچرىشىدىن ياكى نەرسىلەرنى سۈركەشتىن چىققان ئوت پارچىسى:[مىسال:] تاماكا ئورۇدۇم، ئەمما ئىچىگە قۇم-توپا توشۇپ كەتكەن چاقمىقىمدىن بىرەر تال ئۇچقۇنمۇ چىقمىدى.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ چاچرىغان، توزىغان ئۇششاق پارچىلىرى، زەررىچىلىرى:[مىسال:] قاش قارايغان چاغ ھاۋا سوغۇق، ئۇششاق قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سەزگۈ، ھېسسىيات، رەھىي ھالەت قاتارلىقلار ئىپادىلەنگەن كىشى سىياقىدىكى مەلۇم ئالامەت، بەلگە:[مىسال:] مەستۈرەنىڭ كۆزلىرىدە كۈلۈمسىرەش ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كەتتى.

ئۇچقۇن پاقا

  • ئۇچقۇن پاقا[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قوش ماكانلىقلار كلاسى، پاقىلار ئائىلىسىدىكى ھايۋان. تەن ئۇزۇنلۇقى ئالتە-يەتتە سانتىمېتىر. چوڭلىرى توققۇز سانتىمېتىر كېلىدۇ. دۈمبىسى توپا رەڭ، سېرىق ۋە قىزىل سەپكۈنلىرى بار. تۆت ئايىغىدىمۇ توغرىسىغا جايلاشقان قارامتۇل ئالىسى بار. قورساق قىسمى سۈت رەڭگىدە، ئەركەكلىرىنىڭ ئىچكى ئاۋاز خالتىسى بولىدۇ. 1-بارمىقىدىكى قاداقچىسى تەرەققىي قىلغان، بارماق ئارىلىقىدا پەنجىسى بار. تاغ باغرىدىكى تەسكەي، نەم ئورۇنلاردا ياشايدۇ. قىش پەسلىدە توپلىشىپ سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى تاش ئاستىدا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئۇچقۇندى

  • ئۇچقۇندى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يالقۇنلاپ كۆيگەن ئوتتىن چاچراپ چىققان پارچە، ئۇچقۇن:[مىسال:] ئوت ئۇچقۇندىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شامالدا ئۇچۇپ چۈشكەن، شامالدا ئۇچۇرۇشتىن ھاسىل بولغان:[مىسال:] ئۇچقۇندى سامان.

ئۇچقۇنلاتقۇچ

  • ئۇچقۇنلاتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنىڭ ئوت ئالدۇرۇش قۇرۇلمىسى. شەكلى پۇرۇپكىغا ئوخشاش بولۇپ، سىلىندىرنىڭ ئاغزىغا ئورنىتىلىدۇ. يۇقىرى بېسىملىق توك ئۇنىڭدىن ئۆتكەندە ئۇچقۇنلىنىپ، سىلىندىر ئىچىدىكى يېقىلغۇنى پارتلىتىدۇ.

ئۇچقۇنلاتماق

  • ئۇچقۇنلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇچقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۈن نۇرى ئاپئاق قارنى خۇددى كۈمۈش پارچىلىرىدەك ئۇچقۇنلاتقاچقا كۆز قامىشاتتى.

ئۇچقۇنلانماق

  • ئۇچقۇنلانماق[يەشمىسى:] «ئۇچقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تاڭدىكى قۇياش مىسالى ھەر تەرەپنى يورۇتۇپ، دەشت-باياۋانلار ئارا ئۇچقۇنلىنىپ گۈلخان كېلەر.

ئۇچقۇنلىماق

  • ئۇچقۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆيۈپ ئۇچقۇن چىقارماق، ئۇچقۇن چاچراتماق:[مىسال:] ئوت ئۇچقۇنلاپ كۆيدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇچقۇن ئېلىپ يېنىشقا، پەيدا بولۇشقا باشلىماق:[مىسال:] ئۇچقۇنلاپ تۇرغان ئىنقىلاب يانغىن ھاسىل قىلدى.[يەشمىسى:] ③ ناھايىتى ئۇششاق زەررىچە ھالىتىدە ياغماق:[مىسال:] راست دېگەندەك پۈتۈن ئەتراپنى قارا بولۇت قاپلاپ، قار ئۇچقۇنلاشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا بولماق. ئىپادىلەنمەك (سەزگۈ، ھېسسىيات، روھىي ھالەت قاتارلىقلارنىڭ بەلگىسى ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئەمدى ياش ئەمەس، غەزەپ ئۇچقۇنلايتتى.

ئۇچلاتماق

  • ئۇچلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇچلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قېرىنداشنى ئۇچلاتماق.

ئۇچلاشماق

  • ئۇچلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇچلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئېتىز ئۈستىگە كەلگەنلەر بىردىن قوزۇق ئۇچلىشىپ ئۆزىگە ئايرىلغان قىرلارغا قېقىشقا باشلىدى.

ئۇچلانماق

  • ئۇچلانماق[يەشمىسى:] «ئۇچلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] دېمىسىمۇ ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۇچلىنىۋېرىپ كىچىككىنە قالغانىدى.

ئۇچلايماق

  • ئۇچلايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گەۋدىلەنمەك، كۆتۈرۈلۈپ چىقماق، چوقچىيىپ چىقماق.

ئۇچلۇق

  • ئۇچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇچى بار، بىر تەرىپى ئىنچىكە، ئۇچلانغان:[مىسال:] ئۇنىڭ قىسىق كۆزلىرى تېخىمۇ كىچىكلەپ، يۇمىلاق ئۇچلۇق تار ئىڭىكىدىكى ئۆچكە ساقىلى تىترەپ كەتتى.

ئۇچلۇق باش

  • ئۇچلۇق باش [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ سېپىگە، ئارىسىغا سىغدىلىپ، شۇڭغۇپ، يوشۇرۇنچە كىرىۋالغان ئادەم.

ئۇچلۇق تۇمشۇق

  • ئۇچلۇق تۇمشۇق[يەشمىسى:] باشقىلاردىن ئاسان رەنجىيدىغان، باتنىغاق.

ئۇچلىغۇچ

  • ئۇچلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېرىنداش قاتارلىقلارنى قىرىپ ئۇچلايدىغان تىغلىق ئەسۋاب.

ئۇچلىماقⅠ

  • ئۇچلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر تەرىپىنى يونۇپ، قىرىپ ئىنچىكە، ئۆتكۈر قىلماق، ئۇچ چىقارماق:[مىسال:] چاققان قول ئابدۇللا روزى ياغاچ ئۇچلاپ، چوڭ خەت ئۈچۈن بىر تال ئەپچىل قەلەم تەييارلىدى.[يەشمىسى:] ② سوزماق، ئۇزارتماق:[مىسال:] قىز يىگىتنى تونۇغاندەك بولۇپ، تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ مەسخىرە بىلەن كۈلدى.[يەشمىسى:] ③ ئۇچ چىقارماق، ئۇلىماق:[مىسال:] چاپاننىڭ يېڭىنى ئۇچلىماق.[يەشمىسى:] ④ ئۇچ ھالىتىگە كەلتۈرمەك، ئۇچ قىلماق:[مىسال:] پاختىنى ئۇچلىماق.

ئۇچلىماقⅡ

  • ئۇچلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاسقىماق (ئۇننى).

ئۇچلىنىش

  • ئۇچلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر قاتلاملىرى ياكى كان گەۋدىسى قېلىنلىقىنىڭ تەدرىجىي نېپىزلاپ، ئاخىرى يوقاپ كېتىش ھادىسىسى.

ئۇچما

  • ئۇچما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىك، قىيا:[مىسال:] ئۇچما تاغ. * باندىت باشلىقى كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ، ئۇچما چوققىلىق تاغلارغا تىكتى.

ئۇچماق

  • ئۇچماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قانات ياكى باشقا ۋاسىتە بىلەن كۆككە ئۆرلىمەك، ھاۋادا ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] توخۇ ئۇچسا تامغا قونار، لاچىن ئۇچسا تاغقا قونار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ناھايىتى تېز يۈرمەك، چاپماق:[مىسال:] مەن قاتتىق ھودۇقۇش ئىچىدە تورمۇزنى قويۇۋېتىپ، ماينى قاتتىق باستىم. ماشىنام ئاتقان ئوقتەك ئۇچتى.[يەشمىسى:] ③ شامال قاتارلىق بىرەر كۈچنىڭ تەسىرىدە ھاۋادا ھەرىكەتلەنمەك، توزۇماق:[مىسال:] پاراسەتلىك قېرىلار، شوخ شامالغا چەش باسار؛ سامان ئۇچار بىر يانغا، سەردان دانلار تاغ ياسار.[يەشمىسى:] ④ ھاۋادا ئېتىلىپ كەلمەك:[مىسال:] ئوق ئادەملەرنىڭ بېشىدىن ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ⑤ سۇنۇپ، چېقىلىپ مەلۇم بىر قىسمى ئاجرىماق:[مىسال:] چىنىنىڭ گىرۋىكى ئۇچۇپ كەتتى.[يەشمىسى:] ⑥ ئېگىزدىن يىقىلماق، يىقىلىپ چۈشمەك:[مىسال:] ئەگەر گۈلچەرىخان بىلەن پاتەملەر ئۇنى قولتۇقلاپ تۇرمىسا، ئۇ ھازىرلا ئارقىسىغا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىختىيارسىز بېرىلىپ، تەسىرلىنىپ مەغرۇرلانماق:[مىسال:] سىزمۇ ماختاپ قويسا ئۇچۇپ كېتىدىغان ئادەم ئىكەنسىز.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزگەرمەك؛ بۇزۇلماق، يوقالماق (روھىي ھالەت، كەيپىيات قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] بەگنىڭ كەيپى ئۇچتى ۋە ئۆز ئېتىنىڭ ئۆلۈكىنى ئولجا قىلىپ قايتىشتىن باشقا چارە بولمىدى.

ئۇچۇپ يۈرمەك

  • ئۇچۇپ يۈرمەك[يەشمىسى:] ھەممە يەردە ئېيتىلماق، كۆپ تارقىلىپ يۈرمەك:[مىسال:] بۇنداق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇپ يۈرىدۇ.

ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەسلىك

  • ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەسلىك[يەشمىسى:] نەتىجىنىلا ئويلاپ، مەغلۇبىيەتنى ئويلىماسلىق، ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلىماسلىق:[مىسال:] ئۇ ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمىگىنى ئۈچۈن شۇ كۈنگە قالدى.

ئۇچمۇئۇچ

  • ئۇچمۇئۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① باراۋەر، تەڭ. [يەشمىسى:] ② دەلمۇدەل، ئۇدۇل. [يەشمىسى:] ③ بۇلۇڭ-پۇچقاق، ھەر جاي.

ئۇچۇر

  • ئۇچۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ياكى شەيئىلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇمات، خەۋەر؛ دېرەك:[مىسال:] ئۇچۇر ئالماق. ئۇچۇر بەرمەك.[يەشمىسى:] ② جاۋاب؛ جاۋاب خەت:[مىسال:] ماقۇل، بۈگۈن ئوبدانراق ئويلاپ باقاي، ئەتە سىزگە ئۇچۇرىنى بېرىمەن، دېدى خالمىرزا غىۋان پېشانىسىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان مەلۇمات.

ئۇچۇر ئىلمى

  • ئۇچۇر ئىلمى[يەشمىسى:] ئۇچۇرلارنىڭ سانلىق مىقدارى، تارقىتىلىشى، يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ئارقىلىق ئۇچۇرنىڭ يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئادەتتە خەۋەرلىشىش، فىزىئولوگىيە، فىزىكا قاتارلىق پەنلەردە كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ.

ئۇچۇرتماق

  • ئۇچۇرتماق[يەشمىسى:] «ئۇچۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۇچۇرچى

  • ئۇچۇرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچۇر ئېلىپ كەلگۈچى، ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى كىشى:[مىسال:] سەركەردە شەھەردىن ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرچىدىن ئەھۋالنى ئۇقتى.

ئۇچۇرماⅠ

  • ئۇچۇرماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئەمدىلائۇچۇشقا باشلىغان، ئۇچۇش دەرىجىسىگە يەتكەن، ئۇچۇش ئىقتىدارى يېتىلگەن(ئۇچار قۇش ھەققىدە):[مىسال:] تېنىمگە جان، كۆزۈمگە نۇر، قولۇمغا شام-چىراغ بەردىڭ، ئۇچۇرما قۇش ئىدىم، سەندىن قاناتىم ئالدى قۇۋۋەتنى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياتلىق بولۇش يېشىغا يەتكەن(قىزلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇچۇرما بولغان قىزلار خېلى كۆپ دېدى ئۇ ئارىدىكى جىمجتلىقنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى ھېزىمگە باب كېلەركىن تاڭ[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەتراپقا تارالغان:[مىسال:] بۇ ئۇچۇرما گەپلەر پەرھادقا يېقىپ، كۆڭلىدە راھەتلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاغزىدا تۈزۈت قىلدى.

ئۇچۇرما بولماق

  • ئۇچۇرما بولماق[يەشمىسى:] ① قانات-قۇيرۇق چىقىرىپ ئۇچۇش دەرىجىسىگە يەتمەك، ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولماق:[مىسال:] دەل شۇئاندا ئۇچۇرما بولغان بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن تۆمۈر تۇمشۇق ئېرىق بويىدىكى نانجىگدە شېخىغا قونۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② توي قىلىش، ياتلىق بولۇش يېشىغا يەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى ۋە بىر ئاچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خېلى يىللار ئىلگىرى ئۇچۇرما بولۇپ چىقىپ كېتىشكەن.

ئۇچۇرماⅡ

  • ئۇچۇرماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىك ۋە چوڭقۇر.

ئۇچۇرما نان

  • ئۇچۇرما نان [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تونۇرنىڭ ھارارىتىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ياققان نان.

ئۇچۇرماق

  • ئۇچۇرماق[يەشمىسى:] ① «ئۇچماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نېرىراقتىكى دۆڭدە بىر توپ بالىلار لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② ئويناتماق:[مىسال:] لەيلىگۈل قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر قارىدى-دە، قوشۇمىسىنى چىڭ تۈرۈپ كېتىۋەردى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ماختاپ كۆككە كۆتۈرمەك:[مىسال:] ئاخشام ئاۋۇ ئاغزى يۇمشاق بىرى مېنى ئۇچۇرۇپ بەك مېھمان قىلىپ مەستمۇ قىلىپ قويدى.

ئۇچۇرۇلماق

  • ئۇچۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇچۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى مەرگەننىڭ تەييارلىقى پۈتكەندە كەپتەرلەر ئۇچۇرۇلۇپتۇ.

ئۇچۇشچان

  • ئۇچۇشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدائاسانلا گاز ھالىتىگە ئايلىنىدىغان:[مىسال:] بۇ كىتابتا دورىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا، ئۇنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنى كەتكۈزۈۋېتىدىغان ۋە ئۇچۇشچان، پۇراقلىق ماددىلىرىنى يوقىتىپ قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش تەكىتلەنگەن.

ئۇچۇشماق

  • ئۇچۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇچماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] پېشايۋان لىمىدا بوقۇلدىشىۋاتقان كەپتەرلەر ئۆگزە ئۈستىدە پىرقىراپ ئۇچۇشتى.

ئۇچۇقⅠ

  • ئۇچۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شامال تېگىش، قىزىتما ۋە باشقا سەۋەبلەر نەتىجىسىدە لەۋلەردە پەيدا بولغان ئۇششاق ئەسۋە:[مىسال:] سايىم چوڭنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغىنى خوتۇنىنىڭ ئاغزى-بۇرنىغا چىققان ئۇچۇق ئىدى.

ئۇچۇق تەگمەك

  • ئۇچۇق تەگمەك[يەشمىسى:] ① شامالداشتىن لەۋلىرىدە يارا پەيدا بولماق:[مىسال:] ئۇ ئايال ئۇچۇق تېگىپ يېتىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قورقۇپ كەيپى ئۇچماق، قورقۇنچلۇق ئەھۋالدا قالماق:[مىسال:] بۇ دورەم ئىش چاتاق، چوقۇم ئۇچۇق تەگدى. ئەستاغپۇرۇللا بۇ خوتۇننىڭ كەلمىگىنىنى

ئۇچۇقⅡ

  • ئۇچۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر قىسمى ئۇچۇپ كەتكەن:[مىسال:] ئۇچۇق چىنە.

ئۇچۇقلاتماق

  • ئۇچۇقلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇچۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا قىزىنى تۇيۇق غۇجامغا ۋە چوڭ ئارىشاڭلارغا ھەر يىلى ئاپىرىپ يۇيۇندۇراتتى. نەزىر قىلاتتى، چىراغلارغا ياغ قۇياتتى، شەيخلەرگە ئۇچۇقلىتاتتى.

ئۇچۇقلاشماق

  • ئۇچۇقلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇچۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇچۇقلانماق

  • ئۇچۇقلانماق[يەشمىسى:] «ئۇچۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شەۋكەت بۇ ئىشى ئۈچۈن ئۇستىسى تەرىپىدىن ئەپچىللا ئۇچۇقلاندى.

ئۇچۇقلىماق

  • ئۇچۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كونا ئادەت بويىچە ئۇچۇق تەگكەن كىشىنى تۆت كوچا دۇقمۇشىدا، كوچىدىن تېرىلگەن تەرمەچ ۋە پاخال بىلەن ئىسرىقلىماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەدەپلىمەك، قورقۇتۇپ ئەدىپىنى بەرمەك:[مىسال:] ئېلىقۇل «كۆپچىلىكتىن قالغىنىم ئۈچۈن ئاسىم ھەرقاچان يەنە ئازراق ئۇچۇقلايدۇ»دەپ ئويلىغانىدى.

ئۇچۇندۇرماق

  • ئۇچۇندۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇچۇنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۇچۇنما

  • ئۇچۇنما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاغرىق، كېسەل.

ئۇچۇنماق

  • ئۇچۇنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شامالداپ بىتاپ بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇچۇنۇپ قالدىم.

ئۇچئۇن

  • ئۇچئۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇچ+ئۇن[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرىنچى دەرىجىلىك ئاق ئۇن.

ئۇچىلىق

  • ئۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلاغلارنىڭ ئۇچىسىغا توقۇلىدىغان قات-قات كېگىزدىن تىكىلگەن جابدۇق، توقۇم:[مىسال:] بوۋاينىڭ ئۇچىلىقنى يېشىۋاتقان قوللىرى تىترەيتتى.

ئۇختا

  • ئۇختا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشنىڭ دەل پەيتى؛ دەل جايىدا، كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ چىقىشى:[مىسال:] ئۇختىسىغا كەلمەك.

ئۇختىسىغا كەلمەك

  • ئۇختىسىغا كەلمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ دەل جايىدا، كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش شارائىتى ھازىرىلانماق، دەل پەيتى بولماق؛ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ چىقماق:[مىسال:] چۈشۈم ئۇختىسىغا كەلدى.

ئۇخلاتماق

  • ئۇخلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇخلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قەلبىمدە ئۇرغۇۋاتقان خۇشاللىق ۋە ھاياجان مېنى زادى ئۇخلاتمايتتى.

ئۇخلاشماق

  • ئۇخلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇخلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كەچ بولغاندا ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئۇخلىشىپتۇ. كۈندۇزى بولسا بىر-بىرىنى كۈتۈشۈپتۇ.

ئۇخلىماق

  • ئۇخلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇيقۇ ھالىتىدە بولماق، ئۇيقۇغا كىرمەك:[مىسال:] ھۇرۇن ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، يېتىپ ئىشلەيدۇ (ماقال). * مۈشۈك ئۇخلىسا، چۈشىدە چاشقان كۆرەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىشتا ھەرىكەتسىز ھالەتكە چۈشمەك (دەل-دەرەخ ھەققىدە):[مىسال:] ئۆسۈملۈكلەرمۇ ھايۋانلارغا ئوخشاش قىشلىرى ئۇخلايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خەۋەرسىز قالماق، غاپىل بولماق:[مىسال:] يېنىمىزدا مۇشۇنداق مۇھىم ئىشلار بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، بىز ئۇخلاپ يۈرۈپتىمىز.

ئۇخلاپ چۈش كۆرگەندەك

  • ئۇخلاپ چۈش كۆرگەندەك[يەشمىسى:] ئويلىماي، خىيالىي:[مىسال:] رەيھانەم ناگان-ناگاندا، ئۇخلاپ چۈش كۆرگەندەك بىر گەپلەرنى قىلىپ قويغىنى بىلەن، ئىغۋا، تۆھمەت، بېسىملاردىن قۇرقمايدىغانلىقىنى نامايان قىلغانىدى.

ئۇخلاپ چۈشى

  • ئۇخلاپ چۈشى[يەشمىسى:] خام خىيال:[مىسال:] ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ: «ئىقلىمنىڭ بېشىمىزغا چىقىمەن دېيىشى-ئۇخلاپ چۈشى»دېيىشىپ خېلى جانلىنىپ قېلىشتى.

ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن

  • ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن[يەشمىسى:] ئويلاپمۇ باقمىغان، خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن:[مىسال:] ئۇ ئۆز ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقىنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرمىگەنىدى.

ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ يوق

  • ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ يوق[يەشمىسى:] زادىلا ئويلاپ باقمىغان، خىيالىدىمۇ يوق:[مىسال:] بۇ يەرلەرگە كېلىش ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ يوق ئىدى.

ئۇخلاپ چۈشىگە كىرمىگەن

  • ئۇخلاپ چۈشىگە كىرمىگەن[يەشمىسى:] «ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن»گە قاراڭ:[مىسال:] مەنمۇ ھەيرانە-ھەس، بۇ تولىمۇ كۈتۈلمىگەن تاسادىپىيلىق، ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمىگەن ئىش، دەپ جاۋاب قايتۇردى ئالىم ئاكا.

ئۇخلىسا چۈشىگە كىرمەيدىغان

  • ئۇخلىسا چۈشىگە كىرمەيدىغان[يەشمىسى:] «ئۇخلاپ چۈشىدە كۆرمىگەن»گە قاراڭ:[مىسال:] قىز بالىنىڭ ئۈرۈمچى دېگەن يەرگە بېرىپ ئوقۇشى ئۇخلىسا چۈشىگە كىرمەيدىغان ئىش.

ئۇخلىماي چۈش كۆرمەك

  • ئۇخلىماي چۈش كۆرمەك[يەشمىسى:] خام خىيال قىلماق، قۇرۇق خىيال قىلماق:[مىسال:] «شاھلىق تاجى مېنىڭ» دەپ، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپتۇ. خەلق بۆلەك ئويلاپتۇ، ھەر خىل پىكىر قايناپتۇ.

ئۇدⅠ

  • ئۇدⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] كۆپ تارلىق، شەكلى ئۈچ بۇرجەك ۋە تىرناق ياكى ناخۇل بىلەن چېلىنىدىغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى.

ئۇدⅡ

  • ئۇدⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مازارىئون ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان ئېگىز دەرەخ. يوپۇرمىقى قېلىن، پارقىراق، گۈلى ئاق. ياغىچى قاتتىق ھەم ئېغىر، رەڭگى سېرىق، خۇشبۇي پۇرىقى بار. ئىسرىق سېلىشقا ئەڭ ياخشى ماتېرىيال بولىدۇ. ياغىچى دورا قىلىنىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، ئاشقازاننى ياخشىلاش رولى بار. ياغىچىمۇ ئۇد دېيىلىدۇ. تروپىك بەلۋاغدىن چىقىدۇ.

ئۇدا

  • ئۇدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قايتا-قايتا، تەكرار؛ ئۈزۈلدۈرمەي:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن ئەخمەت ئۇدا ئۈچ يەكشەنبە كۈنى زور ئۈمىد بىلەن تاغىسىنىڭ ئۆيىگە باردى.

ئۇدار

  • ئۇدار[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكىلىق تاۋۇشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ھېسابلاشتا قوللىنىلىدىغان بىرلىك.

ئۇدارسىز

  • ئۇدارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇدارلىرى ئېنىق ئىپادىلەنمەيدىغان، ئۇدارغا ئىگە ئەمەس.

ئۇدارلىق

  • ئۇدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇدارلىرى ئېنىق ئىپادىلىنىدىغان، ئۇدارغا ئىگە:[مىسال:] تەمبۇر چېلىشتا تۆت بارمىقىمىزنى تولۇق ھەرىكەتكە كەلتۈرىمىز. ئۇنداق قىلمىغاندا بىرىكمە ئۇدارلىق ئاھاڭلارنى تولۇق چالالماي ئاھاڭ سۈپىتى ناچارلىشىدۇ.

ئۇدھىندى

  • ئۇدھىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇد+ھىندى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ. ياغىچىنىڭ ئوتتۇرىسى قىزىل، قاينىتىش ئارقىلىق قىزىل بوياق ئېلىنىدۇ. يىلتىزىدىن سېرىق بوياق ئېلىنىدۇ. قىزىل بويىقى دورا بولىدۇ، ھەيز كەلمەسلىك، سۇنۇق قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇدۇسقىماق

  • ئۇدۇسقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بوۋاقلار ئۇخلاۋېتىپ كۈلۈپ ياكى يىغلاپ كەتمەك. جۆيلۈمەك.

ئۇدۇق-بۇدۇق

  • ئۇدۇق-بۇدۇق[يەشمىسى:] ئۆز كەيپىياتىنى يوشۇرالماي تەمتىرىگەن ھالەت:[مىسال:] مەتروزى: «سەن ئاشپەز تۇرساڭ قانداقمۇ قەھرىمان بولارسەن» دېۋىدى، پولات ئۇدۇق-بۇدۇق قىلىپ قالدى.

ئۇدۇل

  • ئۇدۇل[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم نەرسىنىڭ ئۇتتۇرى، ئالدىغا جايلاشقان، ئۇتتۇر:[مىسال:] ئۇدۇل چىش. * ئالمىخاننىڭ ئۆيلىرى ئىچكىرىدىن-ئىچكىرى. ئالمىخانغا سەپسېلىڭلار، ئۇدۇل چىشى تاشقىرى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەگرى ئەمەس، تۈز؛ تىك:[مىسال:] توۋا دەيمەن، ئاشۇ ئون يىلغا بۈگۈن، كۈپكۈندۈز ھەممىنى باستى قارا. ئاچىمىز جەننەتكە ئۇدۇل يولنى دەپ، تاسلا قالدۇق كەتكىلى دوزاخ ئارا.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] مەلۇم نىشانغا قاراپ، بۇرۇلماي، ئۇتتۇر:[مىسال:] ئۇ شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم بازارغا ئاتىغان ئوتۇنلىرىنى ئۇدۇل مۇشۇ ئاشخانىغا ئەكېلىدىغان بولدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن؛ ئۇتتۇرلا:[مىسال:] بىز قاچانغىچە جىم ياتىمىز دېدى ھېلىقى كىشى گەپنى ئەگىتمەستىن ئۇدۇل سۆزلەپ.

ئۇدۇل كەلمەك

  • ئۇدۇل كەلمەك[يەشمىسى:] ① باراۋەر كەلمەك، تەڭ كەلمەك:[مىسال:] شۇ كۈنلەردە بىر چارەك قوناق قىممەت جەھەتتە بىر جىڭ گۆشكە ئۇدۇل كېلەتتى.[يەشمىسى:] ② ماس، مۇۋاپىق، توغرا بولۇپ چىقماق:[مىسال:] ئەمدى بولسا بۇ قىزنىڭ مېنىڭ چېچىمنى ئالغىنىغا ھەيرانمەن. ئىش دېگەن بۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالغان بارمۇ

ئۇدۇللانماق

  • ئۇدۇللانماق[يەشمىسى:] ① «ئۇدۇللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خەلق ھويلىدا بولۇۋاتقان گەپ سۆز-ھەرىكەتلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن دەرۋازىغا ئۇدۇللىنىپ، ئۆز-ئۆزىدىن كارىدور تەرەپكە يېقىنلاپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② «ئۇدۇللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چەك-چېكى يوق پايانسىز ئالەم، كۈننىڭ كۆزى ئۇدۇللانغان يەر. بەلكى مۇندىن ئېزىپ-تېزىپ ھەم، قۇشلار ئۆتسە قانىتى كۆيەر.

ئۇدۇللۇق

  • ئۇدۇللۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈز، ئۇدۇل، توغرا ھالەت:[مىسال:] بىزنىڭ بەلگىلەنگەن جايغا ۋاقتىدا بارالىشىمىز تېز ماڭغانلىقىمىز ۋە يولنىڭ ئۇدۇللۇقىدىن بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] لازىم بولغۇچە، تاپقىنىچە؛ ئۇتتۇرلۇق، بىر تەرەپتىن:[مىسال:] ئۇدۇللۇق ئېلىپ، ئۇدۇللۇق يېمەك. ئۇدۇللۇق تۇرمۇش كەچۈرمەك.

ئۇدۇللىماق

  • ئۇدۇللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر نىشانغا ياكى نەرسىگە توغرىلىماق، روبىرو ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] «ئات» دېدى سېيىت گاڭگۇڭ، ھارۋىدىن تۆۋەن سەكرەپ:[مىسال:] ئات جاللات ئۇدۇللاپ ئات يۈرەككە ئۇدۇل چەنلەپ.

ئۇدۇلمۇئۇدۇل

  • ئۇدۇلمۇئۇدۇل[يەشمىسى:] بىرى يەنە بىرىگە ئۇدۇل بولۇپ، ئۆزئارا ئۇدۇل ھالدا:[مىسال:] ئالىم ئىككىمىز ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىمىز.

ئۇدۇم

  • ئۇدۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئومۇم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تەرتىپ، ئادەت، رەسىم؛ ئەنئەنە:[مىسال:] بالىنى بۆشۈككە سېلىش تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇدۇمىدا بىر خىل ئادەت قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن.[يەشمىسى:] ② ھەربىر شەخسنىڭ ئۆزىگە خاس ئادىتى، ئىرسىيىتى؛ مەشغۇلاتى، كەسپى:[مىسال:] قېنى، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇدۇمىنى ئاپتۇمۇ-يوق، بىر كۆرۈپ باقايلى.

ئۇدۇملۇق

  • ئۇدۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇدۇمى بار، ئۇدۇم بولۇپ قالغان، ئۇدۇمغا ئايلانغان:[مىسال:] قىلدى جەۋلان قوللىرىڭدىن مۆجىزە، بوپتۇ ئادەت بۇ ئۇدۇملۇق پەن ساڭا.

ئۇرانⅠ

  • ئۇرانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] رادىئو ئاكتىپ مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Uranium)U. قارامتۇل كۈل رەڭ پاراشوك ھالەتتىكى ماددا ياكى كۈمۈش رەڭلىك كرىستال، a, B ۋە Y نۇرلىرىنى تارقىتىدۇ، ئەڭ تۇراقلىق ئىزوتوپىنىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 4 مىليارد 500 مىليون يىل. ئۇراننىڭ تەبىئەتتە تارقىلىشى ئىنتايىن ئاز، ئاتوم ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىشتا قوللىنىلىدۇ.

ئۇرانⅡ

  • ئۇرانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بولۇۋاتقان گەپ-سۆز تەلەپپۇزى ۋە سۆزلىگۈچىنىڭ كەيپىياتىغا ئاساسەن قىياس قىلىنغان مەنە:[مىسال:] ئۇ گېپىمنىڭ ئۇرانىدىن كۆڭلۈمدىكىنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك.

ئۇرانⅢ

  • ئۇرانⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بىرى. قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق-يېقىنلىق تەرتىپى بويىچە سانىغاندا 7-پلانېتا ھېسابلىنىدۇ. قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش دەۋرى تەخمىنەن 84 يىل، يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىزراق كېلىدۇ. ئۇنى پەقەت تېلېسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ. يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى - 002℃سىرتىدىكى ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ تەركىبى ئاساسەن ھىدروگېن بىلەن مېتاندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ يەنە سەككىز نۇر ھالقىسى ۋە بەش دانە ھەمراھى بار.

ئۇرانⅣ

  • ئۇرانⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۈرەن، چۇقان؛ شوئار، چاقىرىق:[مىسال:] ئوران توۋلىماق.

ئۇران قىچقارماق

  • ئۇران قىچقارماق[يەشمىسى:] ① چۇقان سالماق. [يەشمىسى:] ② كونا ئادەت بويىچە قۇرقۇپ كەتكەن كىچىك بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆي سىرتىدىكى بەلگىلىك ئارىلىقتا ئادەتلەنگەن چاقىرىق سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ۋارقىرىماق.

ئۇران-جۇرات

  • ئۇران-جۇرات[يەشمىسى:] ئۇرۇق-جەمەت.

ئۇراننىت

  • ئۇراننىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. كۆپىنچە تورىي، رادىي، ئاز ئۇچرايدىغان يەر مېتاللىرى ئارىلىشىدۇ. تەڭ ئوقلۇق كرىستال سىستېمىسىدا. قارىماي ياكى تۆمۈر قارا رەڭلىك، سۈزۈك ئەمەس، ماي پارقىراقلىقىدا. كۈچلۈك رادىئوئاكتىپلىقى بار. ئاساسەن زور كرىستاللىق جىنسلاردا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق ئېرىتمە كان ياتمىلىرىدا ئۇچرايدۇ. ئۇران تاۋلايدىغان مىنېراللىق خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ.

ئۇرتوقاي

  • ئۇرتوقاي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇر+توقاي[[يەشمىسى:] «ئۇركالتەك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇرتوقاي قىلماق.

ئۇر-چاپ

  • ئۇر-چاپ[يەشمىسى:] ئالدىغا ئۇچرىغان كۆرگەنلا كىشىنى ئۇرۇپ، چېپىپ قىرغىن قىلىش:[مىسال:] كوچا-رەستە ۋە ئاللىقەيەرلەردە ئۇر-چاپ، تۇتقۇن قىلىشلار قايناپ كېتەتتى.

ئۇر-چاپ قىلماق

  • ئۇر-چاپ قىلماق[يەشمىسى:] ھەممە يەردە ئۇرۇپ-چېپىپ قىرغىن قىلماق:[مىسال:] ئۇر-چاپ قىلماق.

ئۇرچۇق

  • ئۇرچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يىك:[مىسال:] مەن ئۇ يەردىن پەقەت بىر چاق، بىر ئۇرچۇق ۋە بىر كىتابنىلا تاپتىن.[يەشمىسى:] ② ئېگىرىش فابرىكىسىنىڭ مۇھىم دېتالى. ئۇ پىلتىدىن سوزۇلغان تالانى ئېگىرىپ پىششىقلاپ ناچىغا بەلگىلىك شەكىلدە يۆتكەيدۇ. ئادەتتە ئۇرچۇقلارنىڭ سانى ئېگىرىش فابرىكىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ.

ئۇرچۇقسىمان

  • ئۇرچۇقسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرچۇق شەكلىدىكى، ئۇرچۇققا ئوخشاش:[مىسال:] ئۇرچۇقسىمان تەنچە.

ئۇرچۇقلۇق

  • ئۇرچۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرچۇقى بار، ئۇرچۇق ئورنىتىلغان:[مىسال:] 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق ئېگىرىش فابرىكىسى.

ئۇر-سۈر

  • ئۇر-سۈر[يەشمىسى:] ئۇرۇش ۋە سۈرۈش.

ئۇر-سۈر قىلماق

  • ئۇر-سۈر قىلماق[يەشمىسى:] ئۇرۇپ، قوغلاپ سۈرۈپ توقاي قىلماق:[مىسال:] يىگىتلەر ئۇلارنى ئۇر-سۈر قىلىۋەتتى.

ئۇرغاچى

  • ئۇرغاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىشى:[مىسال:] بېلىقىڭنىڭ ئەركەك ياكى ئۇرغاچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن سېنى چاقىرتقۇزغانىدىم.

ئۇرغۇ

  • ئۇرغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزلەردىكى بەزى تاۋۇش ياكى بۇغۇملارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئېيتىلىشى.

ئۇرغۇتماق

  • ئۇرغۇتماق[يەشمىسى:] «ئۇرغۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ناخشىسى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتاتتى.

ئۇرغۇزماق

  • ئۇرغۇزماق[يەشمىسى:] «ئۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] راھەتنىڭ بىر كاچىتى ئۈچۈن يالقۇن ئەسئەتنى قوپالمىغۇدەك قىلىپ قاتتىق ئۇرغۇزدى.

ئۇرغۇسىز

  • ئۇرغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرغۇسى يوق، ئۇرغۇ چۈشمىگەن:[مىسال:] ئۇرغۇسىز بوغۇم.

ئۇرغۇلۇق

  • ئۇرغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرغۇغا ئىگە، ئۇرغۇ چۈشكەن؛ ئۇرغۇ بىلەن ئېيتىلىدىغان:[مىسال:] ئۇرغۇلۇق بوغۇم.

ئۇرغۇماق

  • ئۇرغۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۇرماق:[مىسال:] ئۇلار دەرەخنىڭ تېگىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇلاقتىن قېنىپ سۇ ئىچىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② دولقۇنلىماق جۇش ئۇرماق:[مىسال:] يۈرىكىنىڭ قات-قېتىدىن ئۇرغۇپ چىققان مۇڭلۇق قوشاقلار ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان، ۋۇجۇدىغا غەيرەت بېغىشلايتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بارماق، ئۆرلىمەك، تاشماق:[مىسال:] ئۇلاردىكى غەم-ئەندىشە كۆتۈرۈلۈپ، كۈرەشكە بولغان ئىشەنچ كۈچەيدى، ھەممەيلەندە غەيرەت ۋە باتۇرلۇق ئۇرغۇدى.

ئۇركالتەك

  • ئۇركالتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇر+كالتەك[[يەشمىسى:] ئۇرۇپ، كالتەكلەپ بېرىلگەن زەربە:[مىسال:] ئۇركالتەك قىلماق.

ئۇرماق

  • ئۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قول ياكى بىرەر نەرسە بىلەن زەربە بەرمەك:[مىسال:] بىر كاچات ئۇرماق. * ئېشەكنى ئۇرغانغا ئات بولماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىگە قاتتىق تەگكۈزمەك، مۇشتلىماق، سوقماق:[مىسال:] مەيدىسىگە ئۇرماق. پالاق ئۇرماق. پۇتىنى يەرگە ئۇرماق.[يەشمىسى:] ③ تىغلىق قوراللار بىلەن كەسمەك، چاپماق؛ تىقماق، سانجىماق:[مىسال:] دۈشمەنگە نەيزە ئۇرماق. قىلىچ ئۇرماق.[يەشمىسى:] ④ شىددەت بىلەن تەگمەك، ئۇرۇلماق:[مىسال:] ئابرال تېغىدىن بولسا ئاچچىق، ئەمما ساپ ھاۋالىق تاغ شامىلى ئۇرۇپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ⑤ ئەتراپقا يېيىلماق، تارالماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ ئۇرۇپ تۇرغان ھاراقنىڭ بۇسى مېنى سەسكەندۈرەتتى.[يەشمىسى:] ⑥ سوقماق، سالماق:[مىسال:] بۇ چاغدا خۇشاللىقتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئاتىكەمنىڭ يۈرىكى ھەم تېز، ھەم قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى.[يەشمىسى:] ⑦ سانجىپ، تىقىپ كىرگۈزمەك، سالماق:[مىسال:] ئوكۇل ئۇرماق. ۋاكسىنا ئۇرماق.[يەشمىسى:] ⑧ سىگنال، شەپە بېرىش ئۈچۈن بىرەر نەرسىنى تەگكۈزۈپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] داڭ ئۇرماق. ھەسەن بىلەن قەمەر تاماقلىرىنى يەپ قوللىرىنى يۇيۇۋاتقاندا، بىرى دەرۋازىنى قاتتىق ئۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ⑨ بەرمەك، سوقماق:[مىسال:] ۋارىس سەن ئالدىمىزدىكى تاش يول ئۇچاستىكىلىرىغا تېزدىن تېلېفون ئۇرۇۋەت.[يەشمىسى:] 01 چالماق:[مىسال:] بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن، بىر ئادەمنىڭ مارىلاپ كېلىۋاتقان كۆلەڭگىسى كۆرۈندى ۋە ئۇ ئۈچ قېتىم چاۋاك ئۇردى.[يەشمىسى:] 11 بېسىپ ئىزىنى چۈشۈرمەك، باسماق:[مىسال:] بەش كوينى بەرسىڭىز نېمە ئۈچۈن بۇ قەغەزگە تامغا ئۇرمىدىم[يەشمىسى:] 21 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ساتماق:[مىسال:] ھېلىقى دېھقان سېتىۋالغان ئۆكۈز ۋە بۇغدىيىنى تاشقورغانغا ئاپىرىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا قوتاز ئەكىلىپ قاسساپقا ئۇرىمەن دەيدۇ.[يەشمىسى:] 31 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جازاسىنى بەرمەك، جازالىماق:[مىسال:] خۇدا ئۇرغاننى يۆلىگىلى بولماس (ماقال). * خۇدا ئۇرىمەن دېسە ئاۋۋال ئەقلىدىن ئۇرىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] 41 بەزى ئىسىملار بىلەن كېلىپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ:[مىسال:] ئاھ ئۇرماق. بەرق ئۇرماق. مەۋج ئۇرماق. داد-پەرياد ئۇرماق. جۇش ئۇرماق.

ئۇرۇپ-سوقۇپ

  • ئۇرۇپ-سوقۇپ[يەشمىسى:] قول ئۇچىدىلا، بولۇشىغا، ئەپلەپ-سەپلەپ:[مىسال:] ئىشنى ئۇرۇپ-سوقۇپ پۈتكۈزمەك.

ئۇرۇچ

  • ئۇرۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇچ.

ئۇر-ئۇر

  • ئۇر-ئۇر[يەشمىسى:] ھەممىلا ئادەم ئۇرۇش ياكى ھەممىلا ئادەم تەرىپىدىن ئۇرۇلۇش:[مىسال:] ئۇر-ئۇر قىلماق. ئۇر-ئۇرغا قالماق.

ئۇرۇش

  • ئۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەبىلىلەر، دۆلەتلەر ياكى ئىجتىمائىي سىنىپلار ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق كۈرەش، توقۇنۇش، جەڭ:[مىسال:] ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى. ئۇرۇش تەييارلىقى.

ئۇرۇشپەرەس

  • ئۇرۇشپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇشنى ھەدەپ تەرغىب قىلىدىغان، ئۇرۇش قىلىشقا ئامراق، ئۇرۇشخۇمار.

ئۇرۇشپەرەسلىك

  • ئۇرۇشپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم ئۇرۇش-جېدەل قىلىشنى ئويلايدىغان، ئۇرۇش قىلىشقا ئامراق مىجەز، خاراكتېر، ئۇرۇشخۇمارلىق.

ئۇرۇش-تالاش

  • ئۇرۇش-تالاش[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى تالىشىپ جېدەل قىلىش ۋە ئۇرۇشۇش:[مىسال:] بالىلىرىم، ساندۇقۇمدىكى دۇينانى ئۇرۇش-تالاش قىلماي ئۈچۈڭلار تەڭ بۆلۈشۈڭلار، دەپ نەسىھەت قىلىپتۇ بوۋاي.

ئۇرۇشتۇرماق

  • ئۇرۇشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «ئۇرۇشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىنى يەنە بىرنەرسىگە ئۇرماق:[مىسال:] ئەركىن نائىلاج رەھمەت بىلەن رومكا ئۇرۇشتۇردى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇچراشتۇرماق:[مىسال:] توختىئاخۇن بىلەن ئالماسنىڭ شۇنداق بىر خۇسۇسىيىتى بار ئىدىكى، ئاتا-بالا بىرنەچچە ئېغىز قىسقا گەپ ۋە بىر-ئىككى قېتىم كۆز ئۇرۇشتۇرۇش بىلەنلا بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىشەتتى.

ئۇرۇشتۇرۇلماق

  • ئۇرۇشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇرۇشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئالتە قول كۆتۈرۈلدى، ئالتە پىيالە بىر-بىرىگە ئۇرۇشتۇرۇلدى.

ئۇرۇشخۇمار

  • ئۇرۇشخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇرۇش+خۇمار[[يەشمىسى:] «ئۇرۇشپەرەس»كە قاراڭ.

ئۇرۇشخۇمارلىق

  • ئۇرۇشخۇمارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئۇرۇشپەرەسلىك»كە قاراڭ.

ئۇرۇشقاق

  • ئۇرۇشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان ۋە تېز ئۇرۇشۇپ قالىدىغان، سوقۇشقاق، جېدەلخور:[مىسال:] يەر بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن بۇزۇلسا ئۇرۇشقاق بولار (ماقال).

ئۇرۇشقاقلىق

  • ئۇرۇشقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا ئۇرۇشىدىغان، ئۇرۇشۇشتىن يانمايدىغان مىجەز، قىلىق، ئادەت:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇرۇشقاقلىقى ھەممە يەردە ئۆزىگە رەقىب تاپتى.

ئۇرۇشماق

  • ئۇرۇشماق[يەشمىسى:] ① «ئۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئىككىسى قوللىرىنى جوزىغا ئۇرۇشۇپ ۋارقىرىشىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② جەڭ، ئۇرۇشقا قاتناشماق، ئۇرۇش قىلماق، سوقۇشماق:[مىسال:] بۇ قېتىم ياخشى ئۇرۇشتۇق، دېدى ئەنجانباي چوقچىيىپ تۇرغان تاشقا دۈمبىسىنى تاقاپ ئولتۇرۇپ نەسىردىنگە، يىگىتلىرىمىز جانپىدالىق قىلدى.[يەشمىسى:] ③ ئۇرۇش-تالاش قىلماق، جېدەللەشمەك، ماجىرالاشماق:[مىسال:] ياخشى ئۇرۇشسا بەرگىلى نەرسە تاپالماس، يامان ئۇرۇشسا ئالغىلى نەرسە تاپالماس (ماقال).

ئۇرۇق

  • ئۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئوچۇق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەردە بولىدىغان كۆپىيىش ئورگىنىنىڭ بىرى. ئۇرۇقلىنىش جەريانىنى تاماملىغان تۆرەلمە تۈگۈنىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە ئۇرۇق پوستى، تۆرەلمە ۋە تۆرەلمە سۈتى قاتارلىق ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇرۇق بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا بىخلىنىپ يېڭى ئۆسۈملۈك تېنىگە ئايلىنالايدۇ:[مىسال:] ئۇرۇق سالماق. ئۇرۇق چاچماق. ئۇرۇق تاللىماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ ئەرلىك جىنسىي بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان، جىنسىي ھۈجەيرىلەردىن ئىبارەت سۇيۇقلۇق؛ سپېرما، مەنىي. [يەشمىسى:] ③ بىر ئاتا-بوۋىدىن، بىر ئەجدادتىن كېلىپ چىققان كىشىلەر؛ ئەۋلاد، قېرىنداش:[مىسال:] مەن ۋاڭ ئۇرۇقىدىن بولىمەن، دېدى ئۇ كىشى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي جامائەت تۈزۈمىدىكى ئۆزئارا قان-قېرىنداش بولغان كىشلەردىن ئىبارەت دەسلەپكى ئاساسىي تەشكىلات، ئۇيۇشما، جامائە:[مىسال:] قەدىمكى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئۆزىگە خاس نامى بولغان. ئۇرۇقنىڭ نامى كۆپىنچە شۇ ئۇرۇق ئاقساقىلىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.[يەشمىسى:] ⑤ بىر پۈتۈن قۇرۇلمىنى تەشكىل قىلغۇچى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى قاتتىق نەرسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرى:[مىسال:] تەسۋىي ئۇرۇقى. شاھمات ئۇرۇقى. دامكا ئۇرۇقى.

ئۇرۇق چاچماق

  • ئۇرۇق چاچماق[يەشمىسى:] ① زىرائەت ئۇرۇقىنى تەكشى تارىتىپ تېرىماق:[مىسال:] ھوشۇر ئاكا قوناق ئارىسىغا قاشقا بېدە ئۇرۇقىنى چېچىپ يېشىل ئوغۇت قىلىشقا تەييارلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەيدا قىلماق، ئۇلغايتماق، تېرىماق:[مىسال:] قاسىم سورۇنغا كېلىپلا جېدەل ئۇرۇقىنى چاچتى.

ئۇرۇقىنى قۇرۇتماق

  • ئۇرۇقىنى قۇرۇتماق[يەشمىسى:] ئەسلى، ئەۋلادىنى، قېرىنداشلىرىنى يوق قىلماق، تۈگەتمەك:[مىسال:] ئۇلار ساۋۇتلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتماقچى بولۇشىۋاتىدۇ.

ئۇرۇق-ئايماق

  • ئۇرۇق-ئايماق[يەشمىسى:] ئۇرۇق ۋە ئايماق؛ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ۋە بىر جايدا ياشايدىغان كىشىلەر:[مىسال:] پەيدا بولدى ئىپتىدائىي زېمىندە، يېزا-قىشلاق، ئېكىنزار ۋە يايلاقلار. ۋاقىت بىلەن مىللەت بولۇپ يېتىشتى، ئورمانلاردا يۈرگەن ئۇرۇق-ئايماقلار.

ئۇرۇق-ئەجداد

  • ئۇرۇق-ئەجداد[يەشمىسى:] ئۇرۇق ۋە ئەجداد؛ بىر ئاتا-بوۋىدىن كېلىپ چىققان كىشىلەر:[مىسال:] بىزگە بۇ ئۇرۇق-ئەجدادىمىزدىن قالغان بىر ئىرسىيەت.

ئۇرۇق-ئەۋلاد

  • ئۇرۇق-ئەۋلاد[يەشمىسى:] ئۇرۇق ۋە ئەۋلاد؛ بىر ئاتا-بوۋىدىن كېلىپ چىققان كىشىلەر:[مىسال:] ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ زاتنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى يوق ئىكەن.

ئۇرۇق-پۇشت

  • ئۇرۇق-پۇشت[يەشمىسى:] «ئۇرۇق-ئەۋلاد»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنى غوجىنىڭ ئۇرۇق-پۇشتى دەپ يۈرىدۇ.

ئۇرۇق-تۇغقان

  • ئۇرۇق-تۇغقان[يەشمىسى:] ئۆز ئائىلىسىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق بولغان باشقا ئائىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى:[مىسال:] ئۇرۇق-تۇغقاننىڭ يىرىقى ياخشى، ئوتۇن-ياغاچنىڭ يېقىنى ياخشى (ماقال).

ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق

  • ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق[يەشمىسى:] ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، قېرىنداشلىق:[مىسال:] ياسىن بىلەن بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقىمىز بار.

ئۇرۇق-تۇغقانلىق

  • ئۇرۇق-تۇغقانلىق[يەشمىسى:] «ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىقىنى پەش قىلىپ بىر بۇزۇقنى قانات ئاستىغا ئالغىنى نېمىسى.

ئۇرۇق-جەمەت

  • ئۇرۇق-جەمەت[يەشمىسى:] ئۇرۇق ۋە جەمەت؛ بالا-چاقا ۋە قېرىنداشلار:[مىسال:] رەھمەت بالىلىرىم، بۈگۈن ئۇرۇق-جەمەت، دوست-يارانلار دەرقەمتە بولدۇق، ئۇلۇغ ئايەم كۈنى ياخشى بولدى، دېدى ئانا.

ئۇرۇقچا

  • ئۇرۇقچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېۋە گۆشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتتىق قىسمى:[مىسال:] شاپتۇل ئۇرۇقچىسى. ئۇرۇقچا چاقماق.

ئۇرۇقچى

  • ئۇرۇقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سورتلۇق ئۇرۇقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] ھاشىم ئاكام بۇ كەنتنىڭ ئۇرۇقلۇق ئېتىزىنى باشقۇراتتى ۋە كەنتكە شال ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان پېشقەدەم ئۇرۇقچىمىز ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇق سالغۇچى:[مىسال:] ئانىسى ئۇرۇقچى، قىزلىرى، سۆرەمدە ئائىلە ئىشتا، ھەربىر ئايال داڭدار مېھنەت ئارتىسكىسى.

ئۇرۇقچىلىق

  • ئۇرۇقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سورتلۇق ئۇرۇقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ھازىر بۇ ناھىيىدە كەسپىي ئۇرۇقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش دۈيىدىن 44 ى بار.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇقداشلىق:[مىسال:] ئاقساقاللارنىڭ كېڭىشى گەرچە ئۇزاقتىن بېرى كېلىۋاتقان ئۇرۇقچىلىق ئەنئەنىسىگە بىنائەن بىرەر يېڭى باشلىقنى كۆرسىتىپ، تەستىقلىسىمۇ، ئەگەر تەڭرىقۇت ئۇنى خالىمىسا، ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ قارارى ئېتىبارغا ئېلىنمايتتى.

ئۇرۇقداش

  • ئۇرۇقداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە بىرلەشكەن كىشىلەر كوللېكتىپى. ئۇنىڭدا ئۆزئارا نىكاھلىنىش قاتتىق مەنئى قىلىنغان. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمنىڭ ئىگدارچىلىقىدا بولۇپ، مەھسۇلات كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، كوللېكتىپ ئىستېمال قىلغان.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر ئائىلىدىكى جانلىقلارنىڭ ئۆزئارا ئوخشاشلىق دەرىجىسى بويىچە ئايرىلغان گۇرۇپپىسى. مەسىلەن، مۈشۈك ئائىلىسىنىڭ مۈشۈك ئۇرۇقدىشى ۋە يولۋاس ئۇرۇقدىشىغا؛ باشاقلىقلار ئائىلىسىنىڭ شال ئۇرۇقدىشى، بۇغداي ئۇرۇقدىشى ۋە سۇلۇ ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگىنىگە ئوخشاش.

ئۇرۇقداشلىق

  • ئۇرۇقداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جەمەتى، ئۇرۇقى بىر بولغان مۇناسىۋەت، بىر جەمەتكە تەۋەلىك.

ئۇرۇقدان

  • ئۇرۇقدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① ئەر كىشى ياكى ئەركەك ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىنىڭ بىرقىسمى. ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدىنى ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، يۇمىلاق كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ. [يەشمىسى:] ② ئانىلىقنىڭ ئاستىنقى كۆپكەن قىسمى. ئۇرۇقدان تەرەققىي قىلىپ مېۋە ھاسىل قىلىدۇ، تۆرەلمە تۈگۈنى تەرەققىي قىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ.

ئۇرۇقلاندۇرماق

  • ئۇرۇقلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇرۇقلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇش بىلەن بۇقا، قوچقار تاللاپ نەسىللەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ تۇتۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

ئۇرۇقلاندۇرۇلماق

  • ئۇرۇقلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇرۇقلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كۈزدە ئۇرۇقلاندۇرۇلغان ماللارنىڭ تۆللىرى تولۇق قاتارغا قوشۇلدى.

ئۇرۇقلانماق

  • ئۇرۇقلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇرۇق قوبۇل قىلماق؛ نەسىللەنمەك.

ئۇرۇقلۇق

  • ئۇرۇقلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇقى بار، ئۇرۇققا ئىگە:[مىسال:] قارا ئۇرۇقلۇق تاۋۇز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇق قىلىشقا تەييارلانغان:[مىسال:] ئۇ دېھقانلار بىلەن ئۇرۇقلۇق قوناق يېتىشتۈرۈش بويىچە ھۆددە توختامى تۈزدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرىلغان يەرگە چېچىش ئۈچۈن تەييارلانغان دان:[مىسال:] بىر كۈنى باي بوۋاينىڭ ئىشلىگەن ھەققى ئۈچۈن كىچىككىنە يەر ۋە ئۇرۇقلۇق بېرىپتۇ.

ئۇرۇقلۇققىمۇ يوق

  • ئۇرۇقلۇققىمۇ يوق[يەشمىسى:] ناھايىتى كەم، تېپىش ئىنتايىن قىيىن:[مىسال:] ئۇكام، سەن تۇخۇمنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىسەن، تۇخۇم دېگەن بىر ئايدىن بۇيان ئۆيىمىزدە ئۇرۇقلۇققىمۇ يوق.

ئۇرۇقلىنىش

  • ئۇرۇقلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئەركەك جىنىسىي ھۈجەيرىسى بىلەن چىشى جىنىسىي ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى. بۇ خىل جەريان بېلىق تىپىدىكى جانلىقلاردا تەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىشتىن سىرت، باشقا جانلىقلاردا بولسا ئانا تېنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسلىق نەسىللىنىشىدىكى سپېرما بىلەن تۇخۇمنىڭ قوشۇلۇشى.

ئۇرۇڭقاي

  • ئۇرۇڭقاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياسانچۇق، مىشچان.

ئۇرۇلماق

  • ئۇرۇلماق[يەشمىسى:] ① «ئۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] توساتتىن ھۇجرا ئىشىكى ئۇرۇلدى.[يەشمىسى:] ② «ئۇرماق»پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئابلىز ۋېلىسىپىتكە ئۇرۇلۇپ يىقىلىپ چۈشتى.

ئۇرۇنما

  • ئۇرۇنما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇنغان ياكى ئۇرۇنىدىغان:[مىسال:] ئۇرۇنما تەكشىلىك. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] چەمبەر بىلەن بىر نۇقتىدا كېسىشىدىغان تۈز سىزىق.

ئۇرۇنماق

  • ئۇرۇنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىغا تېگىش ئارقىلىق شۇ نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلىنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ قولىغا قاتتىق بىرنەرسە ئۇرۇندى-دە، ئۇنى ئالدى.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇلماق، تەگمەك:[مىسال:] مەن كېسەلنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن پەسكە چۈشۈپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ كېسەلگە ئۇرۇنۇپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ③ مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا كىرىشمەك، تۇتۇنماق؛ بىرەر ئامال-چارە بىلەن ئىلاج قىلماق، تىرىشماق:[مىسال:] ئاخىر ئىشخانا مۇدىرى يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، يىغىن ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى.

ئۇرۇنۇشماق

  • ئۇرۇنۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇرۇنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇرۋال

  • ئۇرۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىر يىل تېرىلسا، يەنە بىر يىلى ئاق تاشلىۋېتىلىدىغان، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىلىدىغان يەر، ئارام ئالدۇرۇلۇپ تېرىلىدىغان يەر.

ئۇرىيە

  • ئۇرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. رەڭسىز كرىستال، سۇدا ئېرىيدۇ، ئادەم سۈيدۈكىدە تەخمىنەن 2 بولىدۇ، سىنتېز ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ، ئوغۇت، يەم-خەشەك قىلىنىدۇ. پارتلىغۇچى دورا، سۇلياۋ ياساشتىمۇ قوللىنىلىدۇ.

ئۇر-يىقىت

  • ئۇر-يىقىت[يەشمىسى:] ئۇرۇش ۋە يېقىتىش:[مىسال:] ئۇر-يىقىت قىلماق.

ئۇر-يىقىت قىلماق

  • ئۇر-يىقىت قىلماق[يەشمىسى:] ئۇرۇپ، دۇمبالاپ، يىقىتىپ ئەدىبىنى بەرمەك:[مىسال:] شۇندىن بېرى ئۇلار بۇ كەنتكە كېلىپ ئۇر-يىقىت قىلالمايدىغان بولدى.

ئۇز

  • ئۇز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىرايلىق، گۈزەل:[مىسال:] ئۆزىنىڭ بالىسى ئۇز، كىشىنىڭ بالىسى تۇز (ماقال).[يەشمىسى:] ② ماھىر، چېۋەر:[مىسال:] بۇ قىزنىڭ ئۆي ئىشىدا قولى ئۇز ئىكەن. ∥ ئاز قىل، ئۇز قىل (ماقال).

ئۇزاتقۇچى

  • ئۇزاتقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇزىتىدىغان، بىر-بىرىگە ئۇلايدىغان:[مىسال:] ئۇزاتقۇچى تاسما.

ئۇزاتقۇزماق

  • ئۇزاتقۇزماق[يەشمىسى:] «ئۇزاتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ھاراقنى بەكمۇ تېتىپ باققۇسى كەلدى. بىراق ماتروس ئۇنى خالىغانچە قول ئۇزاتقۇزمىدى.

ئۇزاتماق

  • ئۇزاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قولىدىكى نەرسىنى باشقا بىرىگە قولىنى سوزۇپ تۇتقۇزماق، سۇنماق:[مىسال:] باشلىق قول يازمىنى ماڭا ئۇزاتتى-دە، كەسكىن ھالدا گەپ تاپىلىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر تەرەپكە قارىتىپ سوزماق، تەڭلىمەك (قول، پۇت ھەققىدە):[مىسال:] مېۋىسىز دەرەخقە كىم باقىدۇ، مېۋىلىك دەرەخقە ھەر كىم قول ئۇزىتىدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ بىرەر جايغىچە ھەمراھ بولۇپ يولغا سېلىپ قويماق:[مىسال:] مەن قايتقاندا، رىزۋان مېنى چوڭ دەرۋازىغىچە ئۇزىتىپ قويدى.[يەشمىسى:] ④ يولغا سالماق، ماڭدۇرماق:[مىسال:] ئىشخانىدىكىلەر ئابباس بىلەن سادىققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۇلارنى ئۇزاتتى.[يەشمىسى:] ⑤ تۇرمۇشقا چىقارماق، ئەرگە بەرمەك:[مىسال:] قىز ئۇزاتماق.[يەشمىسى:] ⑥ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى پۈتكۈزۈپ دەپنە قىلماق:[مىسال:] شاھزادە دادىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ نەزىر-چىراغلىرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مېھمان قىلماق:[مىسال:] ھېلىقى گىلەم ئالىمىز دەپ يىغىپ يۈرگەن 200 يۈەن پۇلنى بۈگۈنلا بانكىدىن ئەكېلىڭ، شۇ پۇل بىلەن مېھمانلارنى ئۇزىتىۋالارمىز، دېدى ئايالىم.

ئۇزارتماق

  • ئۇزارتماق[يەشمىسى:] «ئۇزارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىتابخانا خادىملىرى چۈشتىمۇ كۈتۈپخانىنى ئاچتى، خىزمەت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتتى.

ئۇزارتىشماق

  • ئۇزارتىشماق[يەشمىسى:] «ئۇزارتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاغىنىلەر، گەپنى ئۇزارتىشماي دەرھال ئىشىمىزغا چۈشەيلى.

ئۇزارتىلماق

  • ئۇزارتىلماق[يەشمىسى:] «ئۇزارتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يىغىن يېرىم كۈن ئۇزارتىلدى.

ئۇزارماق

  • ئۇزارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇزۇنلۇقى، بويى، ئارىلىقى ئېشىپ ئۇزۇن ھالەتكە كەلمەك، سوزۇلماق:[مىسال:] بىرئازدىن كېيىن ئىككى ئادەمنىڭ سايىسى ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بارغانچە ئۇزىراشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② داۋام قىلىش ۋاقتى كۆپەيمەك، ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلماق، ئاشماق:[مىسال:] ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ خىل خىياللارمۇ ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرمەيدىغان بولدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەجمى، دائىرىسى كېڭەيمەك، كۆپەيمەك:[مىسال:] گەپ ئۇزارماق.

ئۇزاشماق

  • ئۇزاشماق[يەشمىسى:] «ئۇزىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شائىر دوستلار قۇچاقلىشىپ ئۇزاشتى.

ئۇزاق

  • ئۇزاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئارىلىقى ئۇزۇن، يىراق:[مىسال:] ئالماس ئاتلارنىڭ ئۇزاق يەردىن توختىماي چېپىپ كەلگەنلىكىنى بىر قاراپلا بايقىدى.[يەشمىسى:] ② ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان، كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان، ۋاقتى ئۇزۇن:[مىسال:] مۇشۇ كەنتنىڭ ئۆزىدە كۆردۈم، دېدى مۇئەللىم، ئانچە ئۇزاق بولمىدى. ∥ بىز زاھىدە توغرىسىدا ئۇزاق پاراڭلاشتۇق.

ئۇزاققا بارماي

  • ئۇزاققا بارماي[يەشمىسى:] ئۇزۇن ئۆتمەي، تېز پۇرسەتتە:[مىسال:] سەۋر قىلايلى، ئۇزاققا بارمايلا، بۇ ئەبلەخلەر ئەدىپىنى يەيدۇ.

ئۇزاق قەدىمكى زامان

  • ئۇزاق قەدىمكى زامان[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] كەم دېگەندە بىر مىليارد يىل داۋام قىلغان گېئولوگىيىلىك تارىخنىڭ تۇنجى دەۋرى. بۇ دەۋردە يەر شارىنىڭ يۈزى بەكمۇ تۇراقسىز، يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن شىددەتلىك بولۇپ، ئەڭ قەدىمكى قۇرۇقلۇق ئاساسى شەكىللەنگەن، تاغ جىنسلىرى ئاساسەن تەركىبى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان گىنېيستىن ئىبارەت بولغان. چۆكمە جىنسلار ئىچىدە تاشقا ئايلانغان ئورگانىزملار بولمىغان، بۇ دەۋردىكى يەر قاتلىمى ئۇزاق قەدىمكى دۇنيا دەپ ئاتالغان. مەملىكىتىمىزنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە مۇشۇ دەۋرگە خاس يەر قاتلىمى بار.

ئۇزاقتىن

  • ئۇزاقتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن، ئۇزۇندىن:[مىسال:] بۇ گەپ ئۇزاقتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇزاقتىن-ئۇزاق

  • ئۇزاقتىن-ئۇزاق[يەشمىسى:] ① ناھايىتى ئۇزاق، بەك يىراق:[مىسال:] مەن سېنى ئۇزاقتىن ئۇزاققا ئىزلەپ كەزمىگەن چۆل-جەزىرە، چىقمىغان تاغ-داۋان، كىرمىگەن سازلىق قالمىدى.[يەشمىسى:] ② ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت، خېلى ئۇزۇن:[مىسال:] بۇ يەرگە كۆپرەك قېرىلار توپلىشىپ، ئاڭلىغان-بىلگەنلىرى ھەققىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق مۇڭدىشىدۇ.

ئۇزاقلاشتۇرۇشماق

  • ئۇزاقلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇزاقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇزاقلاشتۇرۇلماق

  • ئۇزاقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇزاقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۇزاقلاشماق

  • ئۇزاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئارىلىقى، مۇساپىسى بارغانسېرى ئۇزارماق، يىراقلاشماق:[مىسال:] بىلالىدىننىڭ كەشىنىڭ شاقىلدىغان ئاۋازى بارغانسېرى ئۇزاقلىشىپ، ئاخىرى ئاڭلانماي قالغاندا ئۇستاز بىلەن شاگىرت تەڭلا كۈلۈۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالاقىسى سۇسلاشماق، باردى-كەلدىسى ئازايماق:[مىسال:] گاھىلىرى پارتىيىدىن ئۇزاقلىشىپ، پۈتۈن پىكىر-زىكرى بىلەن ئائىلىسىنىڭ غېمىنى يېيىشكە كىرىشىپ كەتتى.

ئۇزاقلىق

  • ئۇزاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇساپىسى ئۇزۇنلۇق، يىراقلىق:[مىسال:] يولنىڭ ئۇزاقلىقى ھەممىمىزگە ئېغىر كەلدى.

ئۇزاقلىماق

  • ئۇزاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مەلۇم جايدىن يىراقلاپ بارماق، ئۇزاقلاشماق:[مىسال:] كەتتى ئۇ، چىغىر يول بويلاپ يىراققا، كەتتى، ئۇ ئۇزاقلاپ كەپىدىن مانا. بىلەلمەي كىملىكىنى ئايال يىراقتا، خىياللار ئىلكىدە قالدى بىرھازا.

ئۇزاق-ئۇزاق

  • ئۇزاق-ئۇزاق[يەشمىسى:] ① ئارىلىقى ناھايىتى ئۇزاق، بەك يىراق، كۆز يەتكۈسىز:[مىسال:] ياڭراق خامان ناخشىسى، كېتەر ئۇزاق-ئۇزاققا؛ ئېتىز كۈيى نەغمىسى، خۇش كېلىدۇ قۇلاققا.[يەشمىسى:] ② خېلى ئۇزۇن بىر ۋاقىت، خېلى ئۇزۇن:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەر دائىم باتىمەنى كۆرگۈسى، قىز بىلەن ئۇزاق-ئۇزاق سۆزلەشكۈسى كېلەتتى.

ئۇزلاشتۇرماق

  • ئۇزلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇزلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يۇرتنىڭ قىزلىرىنى شۇنچىلىك ئۇزلاشتۇرغان نېمىدۇ

ئۇزلاشتۇرۇلماق

  • ئۇزلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇزلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۇزلاشماق

  • ئۇزلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارغانسېرى ئۇز، چىرايلىق ھالەتكە كەلمەك؛ چىرايلىقلاشماق:[مىسال:] زەيتۇنەم بوي تارتىپ ئۇزلىشىپ كەتكەنىدى.

ئۇزلۇق

  • ئۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىرايلىقلىق، گۈزەللىك؛ چاققانلىق، ئەپلىكلىك:[مىسال:] ۋاي ئانىكام، دېدى ئايپاشا روزىمەتنىڭ مۈرىسىدە تۇرغان چويلىلارغا قاراپ، بۇ چويلىلارنىڭ ئۇزلۇقىنى، ھەممىسىنى ساتقىلى بولارمۇ

ئۇزھال

  • ئۇزھال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇز+ھال[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ئالتىنچىسىنىڭ نامى:[مىسال:] ئۇزھال مۇقامى.

ئۇزۇت

  • ئۇزۇت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇزۇن.

ئۇزۇن

  • ئۇزۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بويغا، ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان؛ ئارىلىقى، مۇساپىسى يىراق:[مىسال:] ئۇزۇن يول. ئۇزۇن چاچ. ئۇزۇن مىخ. ئۇزۇن كۆڭلەك.[يەشمىسى:] ② ئۇزاق داۋام قىلىنىدىغان، كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان، ئۇزاق؛ مەزمۇنى، دائىرىسى كەڭ:[مىسال:] ئۇزۇن ماقالە. ئۇزۇن گەپ. * ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇ ئايال يەنە كەلدى.

ئۇزۇنغا چىق

  • ئۇزۇنغا چىق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] كۆزدىن يوقال، كەت:[مىسال:] بەگ يامانلىسا ئۇزۇنغا چىقسۇن، بىر تاۋاق ئېشىم قازىنىمدا قالىدۇ.

ئۇزۇن قول

  • ئۇزۇن قول[يەشمىسى:] «قولى ئۇزۇن»غا قاراڭ:[مىسال:] ئىسىت، بىزمۇ دادامنىڭ ئۇزۇن قول، مەردانە كۈنلىرىدە تۇغۇلغان بولساقچۇ.

ئۇزۇن قوللۇق

  • ئۇزۇن قوللۇق[يەشمىسى:] ھال-كۈنى ياخشىلىق:[مىسال:] كىم ئۇزۇن قوللۇق شۇنىڭكى توغرا دەپ، قىسقا قوللۇقنى ھەمىشە ئوغرى دەپ، خۇش پۇراقلىق گۈلنى بەتبۇي كەكرى دەپ، سەرۋىنى سۇمباتى قىڭغىر-ئەگرى دەپ.

ئۇزۇن قۇلاق

  • ئۇزۇن قۇلاق[يەشمىسى:] «قۇلىقى ئۇزۇن»غا قاراڭ:[مىسال:] بۇ خەۋەر قايسىبىر ئۇزۇن قۇلاقنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇددەتتىن بۇرۇن ئارخىپ ئىشكاپىدىن چىقىپ كەتتىكىن

ئۇزۇن قۇلاقلىق

  • ئۇزۇن قۇلاقلىق[يەشمىسى:] خەۋەر-ئۇچۇرلارنى تېز ئاڭلىۋالىدىغان ئالاھىدىلىك:[مىسال:] شۇ كۈنلەردە مەن قىزلارغا خاس ئۇزۇن قۇلاقلىقىم بىلەن، ئائىلىدىكىلەرنىڭ مېنى تۇرمۇشقا چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدىم.

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى

  • ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى[يەشمىسى:] گەپنىڭ بولار يېرى، قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا:[مىسال:] ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، مېنىڭ ئالدى-ئارقامدا يا ئوغۇل، يا قىزدىن يەنە بىرى يوق، دەپتۇ جۇۋازچىنىڭ قىزى.

ئۇزۇنتۇرا

  • ئۇزۇنتۇرا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇزۇن+تۇرا[[يەشمىسى:] قەددى-قامىتى ئېگىز، ئېگىز بويلۇق:[مىسال:] ئۇزۇنتۇرا، ئېگىز بۇرۇن، ئۇچىسىغا كاستۇم، تار پۇچقاق بۇرۇلكا كىيگەن بۇ ئادەمنىڭ تىلىنى چۈشىنىپ بولمايتتى.

ئۇزۇنچاق

  • ئۇزۇنچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىگە قارىغاندا بويى بىرئاز ئۇزۇن:[مىسال:] يولنىڭ نېرىقى چېتىدە ئۇزۇنچاق ئورۇندۇقتا يولغا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغان بىر جۈپ گەۋدە كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

ئۇزۇنچاقلىق

  • ئۇزۇنچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇزۇنلۇق، سوزۇنچاقلىق:[مىسال:] ئۇ ئۇزۇنچاقلىقىدىن ئورۇقتەك كۆرۈنىدىغان يۈزىنى سۆھبەتداشلىرىدىن يوشۇرۇپ تۇرغاندەك ئىدى.

ئۇزۇندىن-ئۇزۇن

  • ئۇزۇندىن-ئۇزۇن[يەشمىسى:] ① بويىغا قاراپ بەك سوزۇلغان، ناھايىتى ئۇزۇن:[مىسال:] چوڭ قوشۇن ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سەپ تارتىپ، قارلىق تاغقا قاراپ راۋان بولدى.[يەشمىسى:] ② ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان، خېلى ۋاقىت:[مىسال:] موماي يەنە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلدى.

ئۇزۇن-قىسقا

  • ئۇزۇن-قىسقا[يەشمىسى:] خىلمۇخىل ئۇزۇنلۇقتىكى، ئۇزۇنلۇقى ھەر خىل، ئۇزۇن ھەم قىسقا:[مىسال:] قۇتىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن-قىسقا ھەر خىل مىخلار بار ئىدى.

ئۇزۇنلۇق

  • ئۇزۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسە ۋە ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىككى نۇقتىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقى، ئۇزۇن-قىسقىلىق دەرىجىسى؛ بويى، ئارىلىق:[مىسال:] دەريانىڭ ئۇزۇنلۇقى. چاچنىڭ ئۇزۇنلۇقى. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارى يۈزىدىكى غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنىڭ گرادۇس سانى. باشلانغۇچ مېرىدىئان 0℃ قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى شەرقىي ئۇزۇنلۇق، غەرب تەرىپى غەربىي ئۇزۇنلۇق دېيىلىدۇ. شەرقىي ئۇزۇنلۇق بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇقنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا 081° بولىدۇ. مەلۇم ئورۇندىن ئۆتكەن مېرىدىئان سىزىقى بىلەن دەسلەپكى مېرىدىئان سىزىقى ئارىسىدىكى گرادۇس شۇ نۇقتىنىڭ ئۇزۇنلۇق گرادۇسى بولىدۇ.

ئۇزۇنيان

  • ئۇزۇنيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇزۇن+يان[[يەشمىسى:] يۈگەننىڭ ئېغىزدۇرۇقتىن تەڭ يۇقىرىغا چىقىپ سول ئېڭەك بىلەن قۇلاق تۈۋىدىن ئاشۇرۇپ ئورىلىدىغان قىسمى.

ئۇزىتىلماق

  • ئۇزىتىلماق[يەشمىسى:] «ئۇزاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مېھمانلار پەتنۇستا ئۇزىتىلغان پىيالىلەرگە قول سۇندى.

ئۇزىماق

  • ئۇزىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايدىن يىراقلىشىىپ ماڭماق، يىراقلاشماق:[مىسال:] ئاسىم بىلەن ئالماس ئىز بېسىپ شىددەتلىك قوغلاپ يۈرۈپ ئۆز يىگىتلىرىدىن خېلى بەك ئۇزاپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر سورۇن، پائالىيەتتىن قايتماق، يانماق؛ يولغا سېلىنماق:[مىسال:] كۈن خېلى ئېگىلىپ، توي ئاياغلىشاي دەپ قاپتۇ. قىز ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇزاپتۇ.[يەشمىسى:] ③ ئاياغلاشماق، تارىماق:[مىسال:] توي داغدۇغا بىلەن خۇشال-خۇرام چىرايلىق ئۇزىدى.

ئۇستا

  • ئۇستا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر كەسىپ، ھۈنەر بىلەن شۇغۇللانغۇچى مەلىكىلىك كىشى، ماھىر:[مىسال:] ئىش ئۇستىسىدىن قورقار (ماقال).[يەشمىسى:] ② مەلۇم كەسىپ، ھۈنەرنى باشقىلارغا ئۆگىتىپ يېتىشتۈرگۈچى كىشى؛ ئۇستاز:[مىسال:] ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار (ماقال).[يەشمىسى:] ③ كىشى ئىسىملىرىدىن كېيىن كېلىپ، شۇ كىشىنىڭ بىرەر ھۈنەر-كەسىپتە مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سابىر ئۇستا چوڭ رېمونت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئىدى.

ئۇستا كۆرگەن

  • ئۇستا كۆرگەن[يەشمىسى:] بىرەر ئۇستازنىڭ قولىدا سىستېمىلىق ئۆگەنگەن، تەربىيە كۆرگەن:[مىسال:] قاراڭلار، بۇ خېلى ئۇزاق زامان ئۇستا كۆرگەن ئادەمنىڭ قەلىمىدەك قىلىدۇ. بۇنى كىم يازغاندۇ

ئۇستات

  • ئۇستات[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئۇستاز:[مىسال:] بۇ مىسرالاردا بولغان ئىشقى مەزمۇن، ئۇستاتلىرىنىڭ بارىنى قىلدى مەمنۇن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ئۆزىنى ماھىر، ئۇستا قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان ياكى ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىدىغان:[مىسال:] ئۇستات ئادەم. ئۇستات ئايال.

ئۇستاتلىق

  • ئۇستاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشتا ئۆزىنى ماھىر، ئۇستا قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان مۇغەمبەر مىجەز؛ ئۇستىلىق، مۇغەمبەرلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇستاتلىقىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولامدىغان كۆك كەپتەرنى كىم تۇتالمايدۇ[يەشمىسى:] ② ئۇستىلىق، ماھىرلىق:[مىسال:] ھېلىقى چاشقان ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى ۋە تەدبىر-چارىلەرگە ئۇستاتلىقى بىلەن دۈشمەنلىرىدىن جېنىنى ئاسراپ، بىر جاڭگالدا ئۇزۇن يىللار تىنچ ئۆمۈر كەچۈرۈپتۇ.

ئۇستاز

  • ئۇستاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كەسىپ، ھۈنەر، ئىلىم قاتارلىقلارنى ئۆگەنگۈچى؛ مۇئەللىم:[مىسال:] مەن ساۋاق ئالغان ۋاپادىن بۇ مۇھەببەت بابىدا، بىۋاپالىق رەسمىنى ئۇقتۇرمىغان ئۇستاز ماڭا.[يەشمىسى:] ② يوليۇرۇق كۆرسەتكۈچى، تەربىيىلىگۈچى، يېتەكچى:[مىسال:] قىلدىم بۇ يەردە كۈرەش مۇنبىرى، «ئاقسۇ گېزىتى» مەخسۇس بېتىنى. «قاينام ئۆركىشى» دولقۇن ياسىدى، ئاڭلاپ نىمشېھىت ئۇستاز ئېتىنى.

ئۇستازلىق

  • ئۇستازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇستازلار ئۆتەيدىغان ۋەزىپە، ئىش؛ ئۇستازلارغا خاس دەرىجە؛ مىجەز-خاراكتېر:[مىسال:] مەكتەپ پۈتكەن كۈنى شاھى ئىرەم يەنە ئوردا ئۇستازلىقىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان كىشىنى مەكتەپكە مۇدەررىس قىلىپ تەيىنلىدى.

ئۇستام

  • ئۇستام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ھۈنەر-كەسىپنىڭ ماھىرى بولغان ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى چاقىرىش، ئاتاش فورمىسى:[مىسال:] قېنى ئېيتىپ باقسىلا ئۇستام، بالىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى

ئۇستىخان

  • ئۇستىخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بەدەن ئىسكلىتىنىڭ ھەربىر قىسمى، سۆڭەك:[مىسال:] ئۇستىخانلىرى ئاغرىق.[يەشمىسى:] ② سويۇلغان مالنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغاندىن كېيىنكى قىسمى:[مىسال:] ئۇستىخان قايناتماق. ئۇستىخان غاجىماق.

ئۇستىخان سۈرمەك

  • ئۇستىخان سۈرمەك[يەشمىسى:] بەستى، ئۇستىخىنى يوغىنىماق، چوڭايماق:[مىسال:] ھە، بەكرىمۇ سەن ئەھۋالىڭ قانداق تازىمۇ ئۇستىخان سۈرۈپسەن، سەمرىپ كەتكىنىڭنى قارا

ئۇستىخان سۈرۈشتۈرمەك

  • ئۇستىخان سۈرۈشتۈرمەك[يەشمىسى:] نەسەب ۋە ئەجدادلىرىنىڭ قانداقلىقىنى ئېنىقلىماق:[مىسال:] شاھزادە غوجام ئۇستىخان سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزلەنى باش تەيجىلىككە مۇناسىپ كۆرۈپ قالسا، ئەجەب ئەمەس.

ئۇستىخىنى پاك

  • ئۇستىخىنى پاك[يەشمىسى:] يامان، ناشايان ئىشلارغا بېرىلمىگەن، دىيانەتلىك:[مىسال:] ھەنىپىخان تۇل بولغىنى بىلەن ئۇستىخىنى پاك تەقۋادار ئايال ئىدى.

ئۇستىخىنى تازا

  • ئۇستىخىنى تازا[يەشمىسى:] «ئۇستىخىنى پاك»قا قاراڭ.

ئۇستىخىنى چۈشۈپ قالماق

  • ئۇستىخىنى چۈشۈپ قالماق[يەشمىسى:] بىر يەرگە كۆنۈپ، ماسلىشىپ قالماق؛ يەرلەشمەك:[مىسال:] قانداق تاغا، 2-ئەترەتكە ئۇستىخىنىڭ چۈشۈپ قالدىمۇ سورىدى توختى كەنت باشلىقى سالامدىن كېيىن.

ئۇستىخىنى قاتقان

  • ئۇستىخىنى قاتقان[يەشمىسى:] بىرەر ئىش بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىپ چېنىققان، پىشقان:[مىسال:] كەنت باشلىقى كەتمەن بىلەن ئۇستىخىنى قاتقان، باقاندەك بەش يىگىتنى توغاننى ساقلاشقا قويدى.

ئۇستىخىنى قاتمىغان

  • ئۇستىخىنى قاتمىغان[يەشمىسى:] يېتىلمىگەن، ياش، گۆدەك:[مىسال:] سەندەك ئۇستىخىنى قاتمىغان بالىغا بىر ھارۋىنى بېرىپ، ئوتۇنغا ئەۋەتكىلى بولامدۇ

ئۇستىخانا

  • ئۇستىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] توقۇش، بىرەر نەرسە ياساش ياكى رېمونت قىلىشقا كېرەكلىك سايمانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات ئۆيى:[مىسال:] مەتباقى قۇلۇپنى بۇزۇپ، ئۇستىخانىنىڭ ئىچىگە كىرگەنىدى.

ئۇستىخانلىق

  • ئۇستىخانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۇستىخىنى بار، ئۇستىخىنىدىن ئاجرىتىلمىغان:[مىسال:] ئۇستىخانلىق گۆش.[يەشمىسى:] ② ئۇستىخىنى چوڭ، ئۇستىخان سۈرگەن:[مىسال:] بوۋاي ئۇستىخانلىق ئېگىز بوي ئادەم بولۇشىغا قارىماي، ئورۇق ئىدى.

ئۇستىخان-ئۇستىخىنى

  • ئۇستىخان-ئۇستىخىنى[يەشمىسى:] پۈتۈن بەدىنى، ھەممە ئەزايى:[مىسال:] ئۇستىخان-ئۇستىخىنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك.

ئۇستىخان-ئۇستىخىنىغا سىڭمەك

  • ئۇستىخان-ئۇستىخىنىغا سىڭمەك[يەشمىسى:] كىچىكىدىن ئۆگىنىپ، ئادەتلىنىپ تاشلىيالمايدىغان دەرىجىگە يەتمەك:[مىسال:] ئەھمەتنىڭ جېدەلخورلۇقى ئۇنىڭ ئۇستىخان-ئۇستىخىنىغا سىڭىپ كەتكەنىدى.

ئۇستىخان-ئۇستىخىنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك

  • ئۇستىخان-ئۇستىخىنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك[يەشمىسى:] «جان-جېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەك»كە قاراڭ:[مىسال:] بۇ ئىنتىقام ئۇستىخان-ئۇستىخىنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، بۇنى ئالمىغۇچە ئۇ تاغقا قايتمايدۇ.

ئۇستىرا

  • ئۇستىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چاچ، ساقالنى قىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆتكۈر پولات تىغلىق ئەسۋاب.

ئۇستىرلاپ

  • ئۇستىرلاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئەسۋاب، پالچىلار پال ئېچىشتىمۇ قوللىنىدۇ.

ئۇستىرىتسا

  • ئۇستىرىتسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] يۇمشاق تەنلىك ھايۋان. ئىككى قېپى بار. بىرى كىچىك، تەكشى؛ يەنە بىرى چوڭ ۋە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. قاپچۇقىنىڭ يۈزى ئويمان ھەم چوڭقۇر. گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. گۆش، قاپچۇق، مايلىرى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇستىكار

  • ئۇستىكار[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم ھۈنەر-كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىپ، باشقۇرغۇچى باش ئۇستا:[مىسال:] ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشخانىلىرىدا ئۇستىكار، نىمكار ۋە شاگىرتلىق پەرقلىرى مەيدانغا كەلدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەلۇم ھۈنەر-كەسىپتە داڭلىق، ماھىر:[مىسال:] پەرھات بولۇپ سۈزدى ئوغۇل، دەريادىن قاشتاش. زۇمرەت تاشقا چەكتى شوخ گۈل، ئۇستىكار نەققاش.

ئۇستىكارلىق

  • ئۇستىكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇستىلىق، ماھىرلىق. [يەشمىسى:] ② ئۇستىكارلارغا خاس بولغان ئىش، ھۈنەر:[مىسال:] ئۇستىكارلىق دۇكىنىغا كېلىش بىلەن ھاجى ھېلىقى گاچىنىڭ يېنىدىن چىققان بەش سەر كۈمۈش تەڭگە بىلەن ئىككى تىللانى روزى ئۇستىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.

ئۇستىكارلىق قىلماق

  • ئۇستىكارلىق قىلماق[يەشمىسى:] ئۆزىنى ناھايىتى ئۇستا چاغلاپ مۇغەمبەرلىك قىلماق:[مىسال:] نېمە، ماڭا ئۇستىكارلىق قىلىۋاتامسىز دېدى ئۇ تېخىمۇ قوپاللىق بىلەن.

ئۇستىلىق

  • ئۇستىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ھۈنەر-كەسىپنى پۇختا ئىگىلەپ بولغان ئىقتىدار، ماھىرلىق، ھۈنەرگە پىششىقلىق:[مىسال:] شاگىرتلىقتىن ئۇستىلىققا ئۆسكىنىمگە ئالتە ئايچە بولدى.[يەشمىسى:] ② ماھىرلىق، ماھارەت:[مىسال:] بۇنى ياساش ئۈچۈن خېلى چوڭ ئۇستىلىق كېرەك.

ئۇستىلىق قىلماق

  • ئۇستىلىق قىلماق[يەشمىسى:] ① تەدبىر ئىشلەتمەك، پەم-پاراسەت بىلەن ئىش كۆرمەك:[مىسال:] جانابلىرى سۆزدە ئۇستىلىق قىلمىغان بولسىلا، مېنىڭ چەككەن ئازابىم بوشقا كەتكەن بولاتتى، دېدى ھەيدەر.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلەتمەك:[مىسال:] جالالىدىن ئۇستىلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ قورالىنى ئىبراھىمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئىبراھىمنىڭ مىلتىقىنى يەڭگۈشلىۋالدى.

ئۇستىلىق ئىشلەتمەك

  • ئۇستىلىق ئىشلەتمەك[يەشمىسى:] «ئۇستىلىق قىلماق»قا قاراڭ.

ئۇسساتماق

  • ئۇسساتماق[يەشمىسى:] «ئۇسسىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۈگۈن چۈشتە يېگەن لەڭمەن بەك ئۇسسىتىۋەتتى.

ئۇسساشماق

  • ئۇسساشماق[يەشمىسى:] «ئۇسسىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قېنى مېھمانلار، ئۇسساشقانلا، تاۋۇزغا ئېغىز تەگكۈزۈشسىلە.

ئۇسسۇز

  • ئۇسسۇز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇسىز، سۇغىرىلمىغان، ئۇسسىغان:[مىسال:] ئالدى بىلەن ئۇسسۇز زىرائەتلەرنى سۇغىرايلى.

ئۇسسۇزلۇق

  • ئۇسسۇزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇغا تەشنا بولۇش؛ ئۇسسىغان، چاڭقىغان ھالەت:[مىسال:] [مىسال:] ئۇسسۇزلۇقتا ئاغزىمىز قۇرۇپ، تىللىرىمىز بىر غېرىچ ساڭگىلاپ كەتتى.

ئۇسسۇل

  • ئۇسسۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] رىتىملىق ھەرىكەتلەر ئاساسىي ئىپادىلەش ۋاسىتىسى قىلىنىدىغان بىر خىل سەنئەت شەكلى. ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى، ئىدىيىسى ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە بولىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭغا مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىدۇ:[مىسال:] ئۇسسۇل ئوينىماق. ئۇسسۇلغا چۈشمەك. خەلق ئۇسسۇلى. داپ ئۇسسۇلى.

ئۇسسۇلغا سالماق

  • ئۇسسۇلغا سالماق[يەشمىسى:] ① ئۇسسۇلغا چۈشۈرمەك، ئۇسسۇل ئويناتماق:[مىسال:] بىر پۇل بېرىپ ئۇسسۇلغا سالسا، ئون پۇل بېرىپ توختاتقىلى بولماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈلكىلىك ئەھۋالغا دۇچار قىلماق، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرماق؛ ئالدىماق:[مىسال:] ۋاي، ھىيلىگەر، شۇنداق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۇسسۇلغا سېلىپتۇ-دە؟

ئۇسسۇلچى

  • ئۇسسۇلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇسسۇل سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] پاتەم بولسا ئاللىقاچان سەنئەت ئەھلىگە، ئۇسسۇلچىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

ئۇسسۇلچىلىق

  • ئۇسسۇلچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم ئۇسسۇل بىلەن مەشغۇل بولۇش ئىشى، كەسپى.

ئۇسسۇللۇق

  • ئۇسسۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇسسۇلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇسسۇل بىلەن ئورۇنلىنىدىغان:[مىسال:] ئۇسسۇللۇق ناخشا. ئۇسسۇللۇق تىياتىر.

ئۇسسۇلۇق

  • ئۇسسۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان ئىچىملىك:[مىسال:] نېمە بولۇر جېنىم خېنىم، يېنىمغا كەلسەڭ. چاڭقاپ تۇرغان يۈرىكىمگە ئۇسسۇلۇق بەرسەڭ.

ئۇسسىماق

  • ئۇسسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇغا بولغان تەشنالىقى ئاشماق، چاڭقىماق:[مىسال:] ئۇسسىغاندا سۇ ئىچتىم، يىراقتىكى بۇلاقتىن، ئۈمىدىمنى ئۈزمىدىم، شېرىن سۆزلۈك شۇ ياردىن.

ئۇسقاق

  • ئۇسقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چۆمۈچ، ساپلىق.

ئۇسقۇزماق

  • ئۇسقۇزماق[يەشمىسى:] «ئۇسماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۇسلۇب

  • ئۇسلۇب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر دەۋر، مىللەت، ئېقىم ياكى بىرەر شەخسنىڭ بەدىئىي ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئاساسلىق ئىدىيىۋى ئالاھىدىلىكى ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكى؛ ئىستىلى:[مىسال:] مىللىي ئۇسلۇب. ئەرەب ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇشلار.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] يازغۇچىنىڭ تىل ۋاسىتىلرىدىن پايدىلىنىشتىكى ئۆزىگە خاس يولى، ئۇسۇلى:[مىسال:] بەزى مۇھەررىرلەر ئەسەرنى قىزىل قەلىمى بىلەن باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرتىپ چىقىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ.

ئۇسماق

  • ئۇسماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇ، تاماق قاتارلىق نەرسىلەرنى چۆمۈچ قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بىر قاچىدىن ئېلىپ يەنە بىر قاچىغا سالماق، بۆلمەك:[مىسال:] قەمبەرخان ئانا دەرھال بىر چىنە ئاشنى ئۇسۇپ ئېلىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② ئاشلىق، توپا ۋە شۇ قاتارلىقلارنى تاغار، خالتا، سېۋەت، ھارۋا ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە ئالماق، سالماق، ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] تاغارغا قىخ ئۇسماق. * ئۇ گۈرجەك بىلەن ئات ھارۋىسىغا ئەخلەت ئۇسماقتا.

ئۇسۇشماق

  • ئۇسۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇسۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سۇغا كەلگەنلەر ئۆستەڭدىن چېلەكلىرىگە سۇ ئۇسۇشۇۋاتقاندا، بىرى تېيىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتتى.

ئۇسۇل

  • ئۇسۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى، تەرتىپى، تەرىزى؛ چارە، ئامال:[مىسال:] پىكىر قىلىش ئۇسۇلى. ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى. ئۇسۇل تاپماق.[يەشمىسى:] ② پائالىيەت ۋە ئىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس ئادەت:[مىسال:] ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى قانداق بولسا ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

ئۇسۇل-چارە

  • ئۇسۇل-چارە[يەشمىسى:] ئۇسۇل ۋە چارە:[مىسال:] ماھىرە يەنە ئايشەمنىڭ رەسىم سىزىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بىرەر مۇۋاپىق ئۇسۇل-چارە تېپىش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى.

ئۇسۇلماق

  • ئۇسۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇسماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاياقلارغا ئۇسۇلغان ئۇماچلار قويۇلۇپ ئۇيۇپ قالغانىدى.

ئۇش

  • ئۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاتاقلىق، داڭلىق.

ئۇشبۇ

  • ئۇشبۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] مانا شۇ، مەزكۇر:[مىسال:] ئۇشمۇ خەت كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قالۇق ئۆستەڭ بويىدىكى ئىمىن قادىرگە تېگىدۇ.

ئۇشت

  • ئۇشت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قوي، ئۆچكىلەرنى ھەيدەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇشت-ئۇشت

  • ئۇشت-ئۇشت[يەشمىسى:] «ئۇشت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ھەيدىگىنىڭ ئالتە ئۆچكە، ئۇشت-ئۇشتىڭ ئالەمنى ئالدى (ماقال).

ئۇشتۇمتۇت

  • ئۇشتۇمتۇت[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۆتۈلمىگەندە، توساتتىن، تاسادىپىي، بىردىنلا:[مىسال:] نەق شۇ چاغدا، ئۇشتۇمتۇت تاڭ-تۇڭ قىلىپ مىلتىق ئېتىلدى، ھەممە ئادەم ساراسىمگە چۈشتى.

ئۇشتۇمتۇتلۇق

  • ئۇشتۇمتۇتلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇيۇقسىزلىق، تاسادىپىيلىق:[مىسال:] مەتقۇربانباي سەل ئۇشتۇمتۇتلۇق ھېس قىلىپ: شىرمەھەممەتنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتمەملا دەپ سورىدى.

ئۇششاق

  • ئۇششاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەربىر بۆلىكى، پارچىسى، دانىسى ناھايىتى كىچىك:[مىسال:] ئوتۇن ئۇششىقى بىلەن كۆيەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② ياش جەھەتتىن تۆۋەن، كىچىك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى بۇ سەپنى تۈزگەن ياش يىگىتلەر، ئاپئاق ساقال بوۋايلار، ئاياللار، مومايلار، ئۇششاق بالىلارغا تىكىلدى.[يەشمىسى:] ③ كىچىك بېسىلغان، قىسقا:[مىسال:] ساماۋارچى ئۇششاق قەدەملەر بىلەن يورغىلاپ مېڭىپ ئالدىدا يول باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئانچە ئەھمىيىتى، زۆرۈرىيىتى بولمىغان؛ ئاددىي:[مىسال:] سېخلار ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئۇششاق ئىشلار كۈن بويى ياچېيكا يېغىنىدا سۆزلىنىپ تۇراتتى.

ئۇششاق سۆز

  • ئۇششاق سۆز[يەشمىسى:] ① غەيۋەت-شىكايەت، پىتنە:[مىسال:] «بىز ئاياللار ئەجەب ئۇششاق سۆز، ئەجەبمۇ ئىچى تار كېلىدىكەنمىز» دەپ ئويلىدى ئادىلە.[يەشمىسى:] ② غەيۋەت-شىكايەتچى، پىتنىخور:[مىسال:] مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ، مەن ئۆزۈممۇ سىزگە نەپرەتلىك قارايمەن، چۈنكى سىز پەس، ئۇششاق سۆز، يىرگىنىشلىك ئادەمسىز.

ئۇششاق گەپ

  • ئۇششاق گەپ[يەشمىسى:] بولمىغۇر گەپ-سۆز، پىتنە-پاسات:[مىسال:] مەن ئۇنىڭغا ياخشى نىيەت بىلەن بەرگەن مەسلىھەتلىرىمنى تەتۈرسىگە ئۆرۈپ، ئوغا-زەھەر قىلىپ ئۆزۈمگە قايتۇرمىغىيدى، دەپ ئەنسىرەيمەن. بۇ يەردە ئۇششاق گەپ ناھايىتى تولا ئىكەن.

ئۇششاق-چۈششەك

  • ئۇششاق-چۈششەك[يەشمىسى:] ① پارچە-پۇرات:[مىسال:] بىر كۈن ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇھىم ئەمەس، ئاساسلىق بولمىغان:[مىسال:] ئۇلار مەندىن گۇمانلىنىپ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىلا تەكشۈرگىلى تۇردى.

ئۇششاق-چىپە

  • ئۇششاق-چىپە [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ئۇششاق-چۈششەك. [يەشمىسى:] ② ئۇششاق بالىلار.

ئۇششاقلاتماق

  • ئۇششاقلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇششاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نەۋرىلەرگە ھېيتلىق بېرىش ئۈچۈن پۇللارنىمۇ ئۇششاقلىتىپ قويغانىدىم.

ئۇششاقلاشماق

  • ئۇششاقلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇششاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ چوڭلىرى ئوتۇننى، كىچىكلىرى كۆمۈرنى ئۇششاقلىشىپ كەچنىڭ تەييارلىقىنى قىلاتتى.

ئۇششاقلانماق

  • ئۇششاقلانماق[يەشمىسى:] «ئۇششاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۇششاقلىقⅠ

  • ئۇششاقلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك، پارچە-پارچە ھالەت، كىچىكلىك:[مىسال:] خەتنىڭ ئەگرى-بۈگرىلىكى، ئۇششاقلىقى كۆزنى ئاسانلا تالدۇراتتى.

ئۇششاقلىقⅡ

  • ئۇششاقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئائىلە ئۈچۈن كېرەكلىك ئوتياش تېرىيدىغان كىچىك يەر، كۆكتاتلىق.

ئۇششاقلىماق

  • ئۇششاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇششاق ھالەتكە كەلتۈرمەك، پارچە قىلماق:[مىسال:] كۆمۈرنى ئۇششاقلاپ قالىماق. ئوتۇننى ئۇششاقلىماق.[يەشمىسى:] ② كىچىكلىمەك:[مىسال:] ئەگەر تۇپراقتا ئازوت كەم بولسا، دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ. يوپۇرماقلىرى ئاقىرىپ تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ، مېۋىسى ئۇششاقلايدۇ.

ئۇششۇق

  • ئۇششۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆكتەم، جېدەلخور، كۆكەرمە:[مىسال:] ئۇششۇق ئادەم ئالۋاستىدىن يامان (ماقال).

ئۇششۇقلۇق

  • ئۇششۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆكتەملىك، كۆكەرمىلىك، جېدەلخورلۇق:[مىسال:] تۇرسۇنگۈل ئوغلىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىلغان ئۇششۇقلۇق ۋە ۋاپاسىزلىقلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدى.

ئۇشلىماق

  • ئۇشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇتماق.

ئۇغۇنۇتتە

  • ئۇغۇنۇتتە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇ يەردە.

ئۇقا

  • ئۇقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېزەك ئۈچۈن كىيىم-كېچەك، گەزلىمە بۇيۇملار چېتىگە تىكىلگەن جىيەك:[مىسال:] ئۇقا تۇتقان چاپان.

ئۇقار

  • ئۇقار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قاقىرانىڭ بىر خىلى، پەيلىرى ئاق، پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، سۇدا تۇرۇپ بېلىق، راك قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇ يەنە «ئاققۇ ئات» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇقاسىز

  • ئۇقاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەھمىيەتسىز، تايىنى يوق، مەنىسىز.

ئۇقاق

  • ئۇقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاناھ:[مىسال:] ئۇنىڭغا ئۆيلەنمەكچى بولغىنىمدا، مېنى ئۇقاق تارتىپ يېڭىساردىن چىققان، دادام يول قويمىغان.

ئۇقالىق

  • ئۇقالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇقاسى بار، ئۇقا تۇتۇلغان:[مىسال:] ئۇقالىق چاپان.

ئۇقتۇرماق

  • ئۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىنلەرگە كىرىپ ئوقۇشىمىزنى ئۇقتۇردى.

ئۇقتۇرۇش

  • ئۇقتۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن يازما ياكى ئاغزاكى يوليورۇق، يەتكۈزمە:[مىسال:] ئۇ يېزىنىڭ بۈگۈن يامغۇر ياغىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلىتىۋاتاتتى.

ئۇقماق

  • ئۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەزمۇنىنى، ماھىيىتىنى چۈشەنمەك، ئاڭقارماق:[مىسال:] قائىدە ئۇقىدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② ھېس قىلماق، سەزمەك، بىلمەك؛ خەۋەردار بولماق:[مىسال:] مېرۇل مەرگەن ھېلىقى ئېگىز بويلۇق چېرىكتىن گەپ سوراپ ئەھۋالنى ئۇقتى.

ئۇقۇشسىز

  • ئۇقۇشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇققىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان؛ چۈشىنىكسىز:[مىسال:] مۇزىكا توختىدى، ئويۇن باشقۇرغۇچى ۋاڭ-چۇڭ ئىچىدە ئۇقۇشسىز بىرنېمە دەپ ئېلان قىلدى.

ئۇقۇشلۇق

  • ئۇقۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇققىلى، چۈشەنگىلى بولىدىغان؛ چۈشىنىشلىك:[مىسال:] لۇتپۇللا مۇتەللىپ نىزامنامە لاھىيىسىنى ئەنە شۇنداق قىسقا ۋە ئۇقۇشلۇق قىلىپ تۈزۈپ چىققانىدى.

ئۇقۇشماسلىق

  • ئۇقۇشماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزئارا ياكى قارشى تەرەپكە نىسبەتەن كېلىپ چىققان ناتوغرا، خاتا چۈشەنچە، تونۇش:[مىسال:] بىز تېخى سەندىن يامانلاپ يۈرۈپتۇق، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، كۆڭلۈڭگە ئالما، ئاڭلىساق قالتىس ئىش قىلىپسەن

ئۇقۇشماق

  • ئۇقۇشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «ئۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىشنى ھەممىلىرى ئۇقۇشتىلا، بۇ ھەقتىكى گەپ-سۆز ئەمدى مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن.[يەشمىسى:] ② سوراپ، ھەر تەرەپلىمە ئۇقۇپ خەۋەردار بولماق، بىلمەك:[مىسال:] ئۇلار خەلق ساقچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن رەخمەتنىڭ قوشنىسىنى ۋە ئۇنىڭ بالىسىنى ساقچىخانىغا چاقىرىپ ئەھۋال ئۇقۇشتى.[يەشمىسى:] ③ ئىزدەپ، ئالاقىلىشىپ تاپماق، ھەل قىلماق:[مىسال:] مەن دەڭ دەرۋازا تەرەپكە بېرىپ، خۇنخاي مازار تەرەپكە ماڭىدىغان ھارۋا ئۇقۇشتۇم.

ئۇقۇشۇلماسلىق

  • ئۇقۇشۇلماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئۇقۇشماسلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] مەن سىلەرگە مۇشۇ مېنىڭكىدەك ئوقۇشۇلماسلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئاجايىپ ئېچىنىشلىق بىر پاجىئەنى ئېيتىپ بېرەي.

ئۇقۇلماق

  • ئۇقۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇقماق» پېئىلىنڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كېچە بولغان ئىشلار خەۋەرچىلەر ئارقىلىق ئۇقۇلدى.

ئۇقۇم

  • ئۇقۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] تەپەككۇرنىڭ ئاساسىي شەكىللىرىدىن بىرى. ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئومۇمىي، ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىنسانلار بىلىش جەريانىدا ئۆزى ھېس قىلغان شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىۋېلىپ، ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئۇقۇم ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، «ئاق قار»، «ئاق قەغەز»، «ئاق چېچەك»، «ئاق پاختا» دېگەنگە ئوخشاش شەيئىلەردىن بىر ئومۇمىي خۇسۇسىيەتنى يەنى «ئاق»نى ئايرىۋېلىپ، «ئاق» دېگەن ئۇقۇمنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئۇقۇمداش

  • ئۇقۇمداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوخشاش بىر ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان، بىلدۈرگەن ئۇقۇمى بىر، ئۇقۇمى ئوخشاش بولغان:[مىسال:] كىشىلەر «غازاڭ» بىلەن «يوپۇرماق» سۆزى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ دېيىشىدۇ، مېنىڭچە، «غازاڭ» بىلەن «يوپۇرماق» ئۇقۇمداش سۆز ئەمەس.

ئۇقۇمسىز

  • ئۇقۇمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىك ئۇقۇم يوق، ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدىغان:[مىسال:] بۇنداق ئۇقۇمسىز گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلمايلى، كېتەيلى.

ئۇقۇمسىزلىق

  • ئۇقۇمسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۈشىنىكسىزلىك:[مىسال:] بۇ سۆز-نۇتۇق ئۇقۇمسىزلىقى بىلەن ھەممىنى بىزار قىلدى.

ئۇقۇملاشتۇرۇش

  • ئۇقۇملاشتۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى كونكرېت تەسۋىر ھەم تىپىك ئوبرازنى يارىتىش كەم بولغاندا، ئابستراكت ئۇقۇمنى شەخسنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ئورنىغا دەسسىتىدىغان بىر خىل ناچار خاھىش.

ئۇقۇملۇق

  • ئۇقۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسانلا ئۇققىلى، چۈشەنگىلى بولىدىغان؛ ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇمى ئېنىق:[مىسال:] ئەنجەد ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىنى قىسقا، ئۇقۇملۇق قىلىپ باشتىن-ئاياغ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپتۇ.

ئۇكا

  • ئۇكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىچىك ئوغۇل (ئاكىلىرىغا نىسبەتەن):[مىسال:] ئۇكام ئۇنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي ئارقىسىدىن مېڭىۋېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئۆزىدىن كىچىك كىشىگە بولغان مۇراجىئەتتە ياكى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] ئالدىرىما ئۇكا، دېگىنىچە ئاۋۇت ئاكام ئۆز يولىغا كېتىۋەردى.

ئۇكرائىن

  • ئۇكرائىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ تۈپ ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇگلېرود

  • ئۇگلېرود[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «كاربون»غا قاراڭ.

ئۇگىلانماق

  • ئۇگىلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىچ ئاغرىتماق، ئىچى سىيرىلماق.

ئۇگىلىماق

  • ئۇگىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئازراق سۇ قۇيۇلغان كاتەكچە تاشقا بەزى قاتتىق دورىلارنى سۈرۈپ، دورا ئارىلاشقان سۇنى بىمارنىڭ چېكە ۋە ئاغرىق جايلىرىغا چاپماق.

ئۇگىيا

  • ئۇگىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماۋرىتانىيە پۇل بىرلىكى.

ئۇل

  • ئۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] بىنا، تام، دامبا قاتارلىقلارنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تۇتۇپ، كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، يەر بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان تەكت قىسمى:[مىسال:] ھەربىر ئىشنىڭ يولى بار، ھەممە تامنىڭ ئۇلى بار (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنىڭ ئاستى قىسمى (نان ھەققىدە):[مىسال:] ئانا ئورنىدىن تۇرۇپ تاختا بېشىدىن پىچاق ئالدى. پىچاقنىڭ ئۇچىنى پەم بىلەن ناننىڭ ئۇلىغا تىقتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كېلىش مەنبەسى، تايانچ، ئاساس:[مىسال:] ئەگەر مېنىڭ ئاساسىي بىر ئۇلۇم بولغان بولسا، ئەلدىكى بۇ چاكىنىلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن ئەندىشەم يوق ئىدى، دەپ تاشلىدى لىتىپ.

ئۇلى بوش

  • ئۇلى بوش[يەشمىسى:] ① ئۇلى پۇختا ئەمەس، ئۇلى ئاجىز:[مىسال:] ماڭا قارا، مانا بۇ يەر پوك-پوك قىلىۋاتىدۇ. قارىغاندا تامنىڭ ئۇلى بوش. مۇشۇ يەرنى كولاپ كۆرمەمدۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساسى چىڭ، پۇختا ئەمەس، ئاساسى ئاجىز (ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە):[مىسال:] بۇ ئىنىمىز باشلانغۇچ مەكتەپتە ياخشى ئوقىمىغان، ئۇلى بوش، بۇ خىزمەتنى قىلىپ كېتىشكە قىينىلىدۇ، شۇڭا ھەرقايسىلىرىنىڭ كۆپرەك ياردەم قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇلى چىڭ

  • ئۇلى چىڭ[يەشمىسى:] ① ئۇلى مۇستەھكەم، پۇختا سېلىنغان:[مىسال:] بۇ يەر قۇرغاق، ئۆيلەرنىڭ ئۇلى چىڭ، شۇڭا خېلى ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بەرگەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساسى پۇختا (ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە):[مىسال:] ياسىن كىچىكىدىن ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمىگەن، شۇڭا ئۇنىڭ بىلىمدە ئۇلى چىڭ.

ئۇلىنى چىڭدىماق

  • ئۇلىنى چىڭدىماق[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىمەك:[مىسال:] شۇنىمۇ بىلمەمسەن يېڭىدىن باشلىق بولۇپ كەلگەن كىشىگە ئادەم كېرەكتە. دەسلىپىدە تارتىدۇ، ئۇلىنى چىڭدىۋالغاندىن كېيىن تاشلايدۇ. بۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز گويا بىر ھېسسىز كۆتەكقۇ

ئۇلىنى قۇرماق

  • ئۇلىنى قۇرماق[يەشمىسى:] ئاساسىنى سالماق، ئىمكانىيەت پەيدا قىلىپ، شارائىت ياراتماق:[مىسال:] بىز كەسىپ ۋە تۇرمۇشنىڭ مۇستەھكەم ئۇلىنى قۇرۇشىمىز كېرەك.

ئۇلىنى كولىماق

  • ئۇلىنى كولىماق[يەشمىسى:] يىلتىزىنى قىرقىماق، زىيان يەتكۈزمەك:[مىسال:] ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ئۇلىنى كولاش نەتىجىسىدە جايلار، كارخانىلار ئاز-تولا پايدا ئالسىمۇ، دۆلەت زور زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئۇلاتماق

  • ئۇلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دادىمىز ئۇلىتىپ قويغان مېۋىلەرگە ئېغىز تەگكۈزگەن جامائەت ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشتى.

ئۇلار

  • ئۇلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قىرغاۋۇل ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغان چوڭراق تاغ قۇشى. ئۇ گۆشلۈك ۋە گۆشى مەززىلىك ھەمدە كېسەلگە شىپا بولىدۇ.

ئۇلاشتۇرما

  • ئۇلاشتۇرما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ئۇلاشتۇرۇلۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئۇلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] ئۇلاشتۇرما مەشغۇلات.

ئۇلاشتۇرماق

  • ئۇلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ قاتتىق كۈنلەرنىڭ قارا كېچىلىرىنى مەن كىرپىك قاقماي تاڭغا ئۇلاشتۇردۇم.

ئۇلاشتۇرۇلماق

  • ئۇلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يېزىدىكى كەنتلەرگە بارىدىغان يوللارمۇ بىر-بىرىگە ئۇلاشتۇرۇلۇپ، قاتناش راۋانلاشتۇرۇلدى.

ئۇلاشماق

  • ئۇلاشماق[يەشمىسى:] ① «ئۇلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بېلىقچىلار تورنىڭ ئۈزۈلگەن يىپلىرىنى ئۇلىشىپ، يەنە بىر قېتىم سېلىشقا تەييارلاندى.[يەشمىسى:] ② بىرىنىڭ ئاخىرىغا بىرى تۇتاشقان، ئۇلانغان، باغلانغان ھالەتتە بولماق:[مىسال:] پەسىل كەينىدىن پەسىل، ئىش كەينىدىن ئىش بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋەردى. * سۆزىنىڭ باش-ئايىغى ئۇلاشمىدى.[يەشمىسى:] ③ يېقىنلاشماق، تەڭلەشمەك:[مىسال:] ئوتتۇز ياشقا ئۇلاشتىڭ، مۇبارەك تويۇڭ ۋەتەن. چاقنىسۇن گۈزەل، كۆركەم، گۆھەردەك بويۇڭ ۋەتەن.[يەشمىسى:] ④ يېتىپ كەلمەك، يەتمەك:[مىسال:] بۇلار چۈشكە يېقىن بىر يولغا ئۇلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېرىشمەك، ئىگە بولماق:[مىسال:] نەچچە يىلدىن بېرى ئاتىمۇ، ئانىمۇ يىراق-يېقىن دېمەي ھەر تەرەپكە كىشى قويغان بولسىمۇ، دىتىغا ياققۇدەك كېلىنگە ئۇلىشالمىدى.

ئۇلاغ

  • ئۇلاغ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەر ھەيدەش، يۈك توتۇش، مىنىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئات، قېچىر، ئېشەك، تۆگە، ئۆكۈز قاتارلىق ئائىلە ھايۋىنى:[مىسال:] يەكەننىڭ بازارىغا، كىرگەندۇ ئۇلاغ، سامان. ئاڭلاڭلار بۇرادەرلەر، بىزنى كۆيدۈرگەن زامان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ شۇنچىلىك ئۇلاغقا ئارتقىلى بولىدىغان نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر ئۇلاغ سامان. ئىككى ئۇلاغ يۇلغۇن.

ئۇلاغسىز

  • ئۇلاغسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇلىغى يوق، ئۇلاغقا ئىگە ئەمەس:[مىسال:] چارۋىسىز ۋە ئۇلاغسىز قالغان دېھقانلار نەدىمۇ يىراقتىن ئوغۇت يۆتكەشنىڭ ئامالىنى قىلالىسۇن[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇلاغ مىنمەي، پىيادە:[مىسال:] ئۇلاغسىز كەلمەك.

ئۇلاغ-قارا

  • ئۇلاغ-قارا[يەشمىسى:] ئۇلاغ ۋە چوڭ ماللار:[مىسال:] مەن قېرىپ ئاجىزلاپ قالدىم، يەرلىرىمنى ئۇلاغ-قارام بولمىغاندىكىن ئاغدۇرالمىدىم.

ئۇلاغلىق

  • ئۇلاغلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇلىغى بار، ئۇلاغ مىنگەن:[مىسال:] قاسىم ئاكاملارمۇ بىر يىلدىلا ئۇلاغلىق بولدى. * ئۇلاغلىق كىشىلەر ئالدى بىلەن كۆۋرۈكتىن ئۆتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇلاغ مىنىپ، ئۇلاغ بىلەن:[مىسال:] ئات باققۇچىلار ئۇلاغلىق ۋە پىيادە سەپ تارتىپ ماڭاتتى.

ئۇلاق

  • ئۇلاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باغلاش، چىگىش، يەملەش، كەپشەرلەش، تىكىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇلانغان:[مىسال:] ئۇلاق يىپ. ئۇلاق سىم. ئۇلاق تامبال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇلانغان جايى:[مىسال:] ئارغامچىنىڭ ئۇلىقى. * سېھرىگەر كەشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈۋىدى، ھەممەيلەن كەشىمنىڭ بوغقۇجىدىكى ئىككى ئۇلاقنى كۆرۈپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئورمانچىلىق<[يەشمىسى:] يېتىشتۈرۈلىدىغان سورتلۇق تۈپنىڭ بىخ ياكى نوتىلىرىنى يەنە بىر تۈپكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى:[مىسال:] بوۋاي ئۇلاق ئۇلاشتا، موماي گۈل ئۆستۈرۈشتە تەڭدىشى يوق ماھىرلاردىن ئىكەن.

ئۇلاقتۇرماق

  • ئۇلاقتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر تەرەپكە ئاغدۇرماق، يىقىتماق:[مىسال:] زاكىر ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىر پالتا ئۇرۇپ يەرگە ئۇلاقتۇرۇپ تاشلىدى.

ئۇلاقچى

  • ئۇلاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆچەتلەرنى ئۇلاش بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇستا، تەجرىبىلىك ئۇلاقچىلار ئادەتتە كۈن قىزىغاندا ئۇلاق ئۇلايدۇ.

ئۇلاقچىلىق

  • ئۇلاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلاق ئۇلاش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى:[مىسال:] باغۋەنچلىك ئىشى ئۇرۇق تېرىش بىلەن باغلىنىپ، ئۇلاقچىلىق بىلەن راۋاجلىنىدۇ.

ئۇلاقسىز

  • ئۇلاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇلىقى يوق، ئۇلاق ئۇلانمىغان:[مىسال:] يوقالدى، قالدى ئۆي شام ۋە چىراغسىز، كۆچەتمۇ قالدى سۇسىز، ئۇلاقسىز.

ئۇلاق-قۇراق

  • ئۇلاق-قۇراق[يەشمىسى:] ھەر خىل لاتىلاردىن ئۇلاپ قۇراشتۇرۇلغان:[مىسال:] ئۇلاق-قۇراق لاتىلار.

ئۇلاقلىق

  • ئۇلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ئۇلاپ تۇتاشتۇرۇلغان:[مىسال:] ئۇلاقلىق يىپ.

ئۇلاڭ

  • ئۇلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېگەرنى توقۇغاندا تۆشتىن، قورساقتىن تارتىپ چىڭىتىدىغان تاسما:[مىسال:] تۆش ئۇلاڭ. * ھەممە ئادەم ئاتلىرىنى توقۇپ، تۆش ئۇلاڭنى تارتىپ، تەييار بولدى دېسەكمۇ بولىدۇ.

ئۇلانما

  • ئۇلانما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىدىغان، ئۇلانغان ھالەتتىكى:[مىسال:] ئۇلانما يەڭ كىيىم.

ئۇلانماق

  • ئۇلانماق[يەشمىسى:] «ئۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھەر خىل ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر توك مەنبەسىگە ئۇلاندى.

ئۇلايⅠ

  • ئۇلايⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «ئۇلار»غا قاراڭ.

ئۇلايⅡ

  • ئۇلايⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پار، ھور، بۇس.

ئۇلتاڭ

  • ئۇلتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاياغ كىيىمىنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان قىسمى، دەسسىلىدىغان يېرى؛ تاپان، چەم:[مىسال:] ئۇلتاڭ سالماق.[يەشمىسى:] ② ھارۋا چاقىنىڭ گەردىشى:[مىسال:] چاقنىڭ ئۇلتىڭى.[يەشمىسى:] ③ قېيىق، قولۋاق قاتارلىقلارنىڭ تېگى.

ئۇلتاڭسىز

  • ئۇلتاڭسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇلتىڭى يوق، ئۇلتاڭ سېلىنمىغان.

ئۇلتاڭلىق

  • ئۇلتاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇلتىڭى بار، ئۇلتاڭ سېلىنغان:[مىسال:] ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاشيولنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا بىر تۆمۈر ئۇلتاڭلىق ئەسكى ھارۋا ئالدىرىماي كېتىپ باراتتى.

ئۇلترا

  • ئۇلترا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] دەرىجىدىن، ئادەتتىن تاشقىرى؛ زىيادە:[مىسال:] ئۇلترا ئاساسلىق جىنس. ئۇلترا قىسقا دولقۇن.

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى

  • ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئادەم ئاڭلىيالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چاستۇتا (20 مىڭ گېرتس) دىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان ئاۋاز دولقۇنى. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تۈز سىزىق بويلاپ تارقىلىدۇ، نىشانلىق بولىدۇ ھەمدە قايتىپ كېلەلەيدۇ، جىسىملارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇ تۈرلۈك تېخنىكا تارماقلىرىدا، مەسىلەن، مېتاللاردىكى دەزنى تەكشۈرۈش، دېڭىز چارلىشى ھەمدە تېببىي دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش قاتارلىقلاردا كەڭ قوللىنىلىدۇ.

ئۇلترا قىسقا دولقۇن

  • ئۇلترا قىسقا دولقۇن[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىردىن 1 مېتىرغىچە (چاستۇتىسى 30 مېگاگېرتستىن 300 مېگاگېرتسقىچە) بولغان رادىئو دولقۇنى. ئادەتتە ئىئونلۇق قەۋەتنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ ھەم قايتمايدۇ. ئاساسەن تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشى، خەۋەرلىشىش، رادار قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىنىلىدۇ.

ئۇلترا يۇقىرى بېسىم

  • ئۇلترا يۇقىرى بېسىم[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① 100 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمىدىن ئېشىپ كېتىدىغان بېسىم. [يەشمىسى:] ② 220 مىڭ ۋولىتتىن يۇقىرى توك بېسىمى. ئۇلترا يۇقىرى بېسىم ئادەتتە يىراق جايلارغا توك يەتكۈزۈشتە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇلتىماتۇم

  • ئۇلتىماتۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] بىر دۆلەت باشقا دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشى زۆرۈر دەپ قارىغان تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، قوبۇل قىلمىسا قوراللىق كۈچ ئىشلىتىلىدىغانلىقى ياكى باشقا مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان دىپلوماتىك ھۆججەت. بۇنداق ھۆججەتتە مەلۇم مۇددەت ئىچىدە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئۇلداتماق

  • ئۇلداتماق[يەشمىسى:] «ئۇلدىماقⅠ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تامنى ئۇلداتماق.

ئۇلداشماق

  • ئۇلداشماق[يەشمىسى:] «ئۇلدىماقⅠ»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇلدانماق

  • ئۇلدانماق[يەشمىسى:] «ئۇلدىماقⅠ»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۇلدىماقⅠ

  • ئۇلدىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇلنىڭ چۈشۈپ كەتكەن، بۇزۇلغان يەرلىرىنى كېسەك، لايلار بىلەن پۈتۈنلىمەك؛ مۇستەھكەملىمەك، چىڭىتماق:[مىسال:] تامنى ئۇلدىماق.[يەشمىسى:] ② قوغۇن، تاۋۇز، كاۋا، قاپاق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تۈۋىنى كۆلاپ، قىغ، بۇيا قاتارلىقلارنى كۆمۈپ ئوغۇتلىماق:[مىسال:] قوغۇن ئۇلدىماق. تاۋۇز ئۇلدىماق.

ئۇلدىماقⅡ

  • ئۇلدىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاشلىق يولدا تاقىسىز ھايۋانلارنىڭ تۇيىقى ئۇپرىماق.

ئۇلغايتماق

  • ئۇلغايتماق[يەشمىسى:] «ئۇلغايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمەت ئۇستام گەپ سورىغاچ ئوتقا كۆمۈر تاشلاپ ئۇلغايتتى.

ئۇلغايتىشماق

  • ئۇلغايتىشماق[يەشمىسى:] «ئۇلغايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇلغايتىلماق

  • ئۇلغايتىلماق[يەشمىسى:] «ئۇلغايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۇلغايماق

  • ئۇلغايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مىقدارى، ھەجمى كۆپەيمەك، ئاشماق، زورايماق:[مىسال:] كۈن چۈشكە يېقىنلاشقاندا، سۇ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ، گەزمال ۋە قەنتلەر سۇغا چىلىشىپ نابۇت بۇلۇش خەۋپى تۇغۇلدى.[يەشمىسى:] ② جىقلىماق، ئاۋۇماق، كۆپەيمەك:[مىسال:] سايىم 5-ئەترەتتە يۈز بەرگەن ماجىرانىڭ ئۇلغىيىشىنى، كۈتۈۋاتقاندەك قىلاتتى.[يەشمىسى:] ③ تەرەققىي قىلماق، كېڭەيمەك:[مىسال:] بىزنىڭ قوشۇنىمىز بارغانچە ئۇلغىيىپ بارىدۇ.[يەشمىسى:] ④ چوڭايماق، يوغىنىماق، ئۆسمەك:[مىسال:] ئۇ يېشى ئۇلغايغانسېرى، قىز-چوكانلارغا يوشۇرۇن كۆز سالىدىغان بولدى.

ئۇللۇق

  • ئۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇلى بار، ئۇل قويۇلغان:[مىسال:] يېڭى دېھقان يالغۇز ئۆز غېمىدىلا بولمايدۇ، دېدى تاغام خۇشاللىق بىلەن، ئارقا تېمىڭ ئۇللۇق بولسا، مۇشتۇمۇڭ بازغان، دېگەن ماقال بار.

ئۇللىماق

  • ئۇللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇلىنى چىڭىتماق، پۇختىلىماق. [يەشمىسى:] ② قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇلىغا ئوغۇت قۇيۇپ ئوغۇتلىماق.

ئۇلۇس

  • ئۇلۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىللەت؛ خەلق:[مىسال:] بىر ئۇلۇس ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغىنى ئۈچۈنلا، ئۆز-ئۆزىگە خاس بىر ئۇلۇس بولىدۇ.

ئۇلۇغ

  • ئۇلۇغ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەجمى، ئورنى غايەت چوڭ، كاتتا:[مىسال:] نۇرغۇن بۇلاقلار قوشۇلۇپ، ئۇلۇغ بىر دەريا بولۇپ ئاقاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بارغانسېرى ئۇلغايغان، شىددەتلىك، كۈچلۈك:[مىسال:] يىگىت قاچتى ئارقىسىدا ئۇلۇغ ئوت، ۋە ئالدىدا بۇلۇت باسقان ئۇيۇقلار. ئايان بولدى خۇددى كېسەل كىشىدەك، ئازاب بىلەن ئىڭراپ ياتقان كەڭ يۇرتلار.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەر جەھەتتىن يۇقىرى، قۇدرەتلىك:[مىسال:] ئۇلۇغ ۋەتەن. ئۇلۇغ خەلق. *مۇنداق ئۇلۇغ ئەلدە تېپىلمايدىغان نېمىلەر بار[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، مۇھىم، بۈيۈك:[مىسال:] پاتىمە بىلەن سونۇر بولسا كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغ ئارمانلار ھەققىدە سىردىشىپ مەھەللە تەرەپكە قاراپ بىللە مېڭىشتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆرمەتكە سازاۋەر، يۇقىرى مەرتىۋىلىك، ئالىيجاناب:[مىسال:] ئۇلۇغ پادىشاھىم، ئۇستىلار ئاسماندا تۇرسا، قانداق يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇ ئىش ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن، دەپتۇ سول قول ۋەزىر.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] غايەت ئىقتىدارلىق، تالانتلىق؛ قىلغان خىزمىتى بىلەن خەلققە تونۇلغان، مەشھۇر:[مىسال:] ئۇلۇغ شائىر. ئۇلۇغ يازغۇچى. ئۇلۇغ داھىي.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] (شەخس ياكى كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن) مەنسەپدار، باشلىق:[مىسال:] پادىشاھ خاس ئۇلۇغلىرى بىلەن مەلىكىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنى خاس جايغا چۈشۈردى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياشتا ۋە ھۆرمەتتە چوڭ:[مىسال:] ئۇلۇغ بوۋا. ئۇلۇغ ئاغچا خېنىم.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى تەنتەنىلىك، بەختكە تولغان، ئۇلۇغۋار:[مىسال:] ئۇلۇغ ھېيت كۈنلىرى. ئۇلۇغ بايرام.[يەشمىسى:] 01 ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئۇلۇغ بەھەڭ

  • ئۇلۇغ بەھەڭ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پىلە قۇرتىنىڭ تۆتىنچى قېتىم ئۇخلاش ۋاقتى.

ئۇلۇغ بوۋا

  • ئۇلۇغ بوۋا[يەشمىسى:] بوۋىسى ياكى مومىسىنىڭ دادىسى.

ئۇلۇغ تىنماق

  • ئۇلۇغ تىنماق[يەشمىسى:] چوڭ نەپەس ئالماق:[مىسال:] ئۇ قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا چوڭقۇر سۈكۈت ئىچىدە ئۇلۇغ بىر تىندى.

ئۇلۇغ موما

  • ئۇلۇغ موما[يەشمىسى:] بوۋىسى ياكى مومىسىنىڭ ئانىسى.

ئۇلۇغزادە

  • ئۇلۇغزادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئۇلۇغ كىشىنىڭ پەرزەنتى:[مىسال:] جاھاندا ھېچ كىشى يەتمەس مۇرادقا، مەيلى شاھ ياكى بولسۇن ئۇلۇغزادە.

ئۇلۇغ-كىچىك

  • ئۇلۇغ-كىچىك[يەشمىسى:] «چوڭ-كىچىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇلۇغ-كىچىك تىنماق.

ئۇلۇغ-كىچىك تىنماق

  • ئۇلۇغ-كىچىك تىنماق[يەشمىسى:] ئېغىر نەپەس ئېلىپ خورسىنماق:[مىسال:] ئۇ ئىختىيارسىز «دادا» دېدى-دە، تولغىنىپ تۇرۇپ بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىندى.

ئۇلۇغلاتماق

  • ئۇلۇغلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇلۇغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كېيىنكى چاغلاردا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىرقانچە تاجىك يولداشلار بىلەن ھېلىقى بۇلاقنىڭ ئاغزىنى كېڭەيتىپ ئېچىپ سۈيىنى خېلى ئۇلۇغلاتتۇق.

ئۇلۇغلاشماق

  • ئۇلۇغلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇلۇغلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇلۇغلانماق

  • ئۇلۇغلانماق[يەشمىسى:] «ئۇلۇغلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنداقلار ھەمىشە ۋە ئەبەدىي ئۇلۇغلىنىپ قېلىشقا، ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك.

ئۇلۇغلۇق

  • ئۇلۇغلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەرتىۋە ۋە دەرىجە، يۈز-ئابرۇي جەھەتتە كاتتىلىق، چوڭلۇق:[مىسال:] غەيرەتسىز، ھىممەتسىز كىشى ھېچقاچان ئۇلۇغلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ.

ئۇلۇغلىماق

  • ئۇلۇغلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۆرمەتلىك كىشىلەر قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلماق، ھۆرمەتلىمەك، ئەزىزلىمەك:[مىسال:] كىشىلەر بۇ شەھەرنى خوجانەسىردىن بىرمەزگىل ياشىغان يۇرت، دەپمۇ ئۇلۇغلايدىكەن.

ئۇلۇغ-ئۇششاق

  • ئۇلۇغ-ئۇششاق[يەشمىسى:] چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش:[مىسال:] پۈتۈن ئۈرۈمچى-ئەھلى ئەر-ئايال، ئۇلۇغ-ئۇششاق سەلدەك تەۋرىنىپ، شىمالىي كوچىلارنى بويلاپ، غۇلجا يولىغا قاراپ ئاقماقتا ئىدى.

ئۇلۇغۋار

  • ئۇلۇغۋار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① سالاپەتلىك، ئۇلۇغلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەت چىقىپ تۇرغان:[مىسال:] كېنىزەك ئۇلۇغۋار قەدەم تاشلاپ جىلۋە بىلەن كىرىپ تەختكە چىقىپتۇ.[يەشمىسى:] ② ناھايىتى مۇھىم، ئۇلۇغ مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۈيۈك:[مىسال:] مۇشۇنداق قىلغاندا بۇ ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ھۆرمەتلەشكە سازاۋەر، يۇقىرى مەرتىۋىلىك، ئۇلۇغ:[مىسال:] ئۇ ماڭا بىچارە ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغۋار، سۆيۈملۈك بىر كىشى بولۇپ كۆرۈندى.

ئۇلۇغۋارلىق

  • ئۇلۇغۋارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۈيۈكلۈك، ئۇلۇغلۇق:[مىسال:] سەن ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قارا ئۇنىڭدىن بىر ئۇلۇغۋارلىق، شاھلىق سىياقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئۇلىماق

  • ئۇلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يىپ، سىم، ئارقان قاتارلىقلارنىڭ ئۇچلىرىنى باغلاپ، چىگىپ بىرلەشتۈرمەك:[مىسال:] يىپنى ئۇلىماق. سىمنى ئۇلىماق.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرماق، تۇتاش ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] ۋەي، تېلېفوننى مۇدىر ئىشخانىسىغا ئۇلاپ بېرىڭە[يەشمىسى:] ③ يېتىشتۈرۈلىدىغان سورتلۇق تۈپنىڭ بىخى ياكى نوتىسىنى يەنە بىر تۈپكە ئورۇنلاشتۇرماق:[مىسال:] مەنمۇ يېنىپ مەكتەپتىن بوۋام بىلەن ئىشلەيمەن. ئۇلاق ئۇلاپ بوۋامدەك، يېتىشمەكنى كۆزلەيمەن.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرىدىن كېيىن باشقىنى قوشۇپ داۋاملاشتۇرماق:[مىسال:] ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا كىرپىك قاقماي تۈننى تاڭغا ئۇلىغان ئوخشايدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوشماق، باغلىماق (كۆڭۈل، يۈرەك ھەققىدە):[مىسال:] نە قىلاي، نېمە قىلاي، غېرىب كۆڭلىنى ئۇلىماي. ئەر بولسام كەتمەسمىدىم، ئىچىمگە دەردنى سولىماي.[يەشمىسى:] ⑥ قوشماق؛ ئۇزارتماق:[مىسال:] نىمجان بالىسىغا ئۆمۈر ئۇلىغان، ئانىدەك مېھرىنى بېرىپ ئۆتكەنىدى. بىر تالمۇ باشاقنى قالدۇرماي ئالا، تەپتەكشى دورىلار سېپىپ ئۆتكەنىدى.

ئۇماچ

  • ئۇماچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قوناق ياكى تېرىق ئۇنىنى گۆش ۋە چامغۇر قاتارلىقلار سېلىپ قاينىغان سۇغا چېلىپ تەييارلىنىدىغان سۇيۇق تاماق:[مىسال:] ئۇمىچى يوق مازاردىن شەيخ قېچىپتۇ (ماقال).

ئۇماچ قورساق

  • ئۇماچ قورساق[يەشمىسى:] قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، بىلىمسىز، نادان:[مىسال:] نەدىكى ئۇماچ قورساقلار بۈگۈن ئۇنى قىل، بۇنى قىل دەۋاتىدىغۇ

ئۇماچخانا

  • ئۇماچخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جامائەت ئۈچۈن ئۇماچ ئېتىلىدىغان چوڭ قازان ئېسىلغان ئۆي:[مىسال:] بىز «جامائەت ئاشخانىسى» دەپ ئاتالغان ئىلگىرىكى ئۇماچخانىنى تۈزەشتۈرۈپ ياشلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆيى قىلدۇق.

ئۇماي

  • ئۇماي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئوغۇل بالىنىڭ ئۇرۇقدىنى؛ ئەش، ھەمراھ.

ئۇمتاق

  • ئۇمتاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چايغا چىلاپ يۇمشىتىپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن نان.

ئۇمىۋالنىك

  • ئۇمىۋالنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يۈز-قولنى يۇيۇش ئۈچۈن تەييارلانغان جۈمەكلىك قۇرۇلما.

ئۇن

  • ئۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاشلىق دانلىرىنى تۈگمەندە تارتىش يولى بىلەن ھاسىل بولىدىغان توزان ھالەتتىكى تالقانسىمان ئۇزۇقلۇق:[مىسال:] بۇغداي ئۇنى. قوناق ئۇنى. تۈگمەن ئۇنى.[يەشمىسى:] ② كۇكۇم-تالقان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلات:[مىسال:] قۇرۇتۇلغان سامساق ئۇنى.

ئۇناتماق

  • ئۇناتماق[يەشمىسى:] «ئۇنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنايدۇ، ئۇنىتىمىز، ھازىر ئۇنىمىسا، ئاستا-ئاستا ئۇنىتىۋالىمىز، دېدى مۇتەللىپ ئۇنىڭ كىيىملىرىدىكى توپا-چاڭنى قېقىپ تۇرۇپ.

ئۇناشماق

  • ئۇناشماق[يەشمىسى:] «ئۇنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاكام ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كەنتكە قايتىشىنى تەكلىپ قىلغاندا بەزىلەر ئۇناشمىدى.

ئۇنتۇشماق

  • ئۇنتۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇنتۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈچەيلەن نىشاننى بايقاپلا ۋۇجۇدىدىكى ئاچلىق، ھارغىنلىقنى ئۇنتۇشتى.

ئۇنتۇغاق

  • ئۇنتۇغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىغان، ئەستە ياخشى ساقلىيالمايدىغان:[مىسال:] نېمانداق ئۇنتۇغاق نېمىسەن

ئۇنتۇغاقلىق

  • ئۇنتۇغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇنتۇپ قېلىش ئادىتى:[مىسال:] ئۇنتۇغاقلىقىمدىن كىتاب ئۆيدە قاپتۇ.

ئۇنتۇق

  • ئۇنتۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇندەك، تالقان ھالەتتىكى.

ئۇنتۇلدۇرماق

  • ئۇنتۇلدۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇنتۇلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايلار، يىللار ئۆتتى. تۈرلۈك-تۈمەن يېڭىلىقلار، دەرسلىكلەرنىڭ جىددىي تەلەپلىرى بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلدۇردى.

ئۇنتۇلغۇسىز

  • ئۇنتۇلغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇنتۇلمايدىغان، ھەرگىز ئەستىن چىقمايدىغان؛ دائىم ئەستە ساقلىنىدىغان:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلمەس ياشلىقىنى، ياشلىقتا ئۆتكەن ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلارنى قايتا-قايتا ئەسلەپ، كوچىدا خېلى ئۇزاق ماڭدى.

ئۇنتۇلماس

  • ئۇنتۇلماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان:[مىسال:] ئۇنتۇلماس مىنۇتلار. ئۇنتۇلماس كۈنلەر.

ئۇنتۇلماق

  • ئۇنتۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇنتۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مانا بۇ پاجىئە يېزىنىڭ ئازابلىق تارىخىدا ئۇنتۇلمايدىغان يەنە بىر بەت بولۇپ قالدى.

ئۇنتۇماق

  • ئۇنتۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېسىدىن چىقىپ كەتمەك، ئەسلىيەلمەي قالماق:[مىسال:] ئاشنى كۆرۈپ ئىشنى ئۇنتۇما (ماقال). * كۆرگەن كۆنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما (ماقال).

ئۇنچە

  • ئۇنچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① بەزى سۈپەتلەرگە باغلىنىپ كېلىپ «ئۇ قەدەر، دېيەرلىك» دېگەن مەنىدە سۈپەت بىلدۈرگەن خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكنىڭ ئاز ۋە كۈچسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كارۋان شەھەرگە يېتىپ كېلىپ ئۇنچە چوڭ بولمىغان بىر سارايغا چۈشتى.[يەشمىسى:] ② بەزى پېئىللار بىلەن كېلىپ «ئۇ قەدەر، بىرئاز» دېگەن مەنىدە پېئىل بىلدۈرگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ كۈچسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] «شۇنداق» دېدىم مەن ۋە بۇ سۆزگە ئۇنچە ئېتىبارمۇ قىلمىدىم.

ئۇنچە-مۇنچە

  • ئۇنچە-مۇنچە[يەشمىسى:] ئاز مىقداردا، بىرئاز؛ ئاز-تولا، ئانچە-مۇنچە:[مىسال:] ئاپام بازاردىن ئۇنچە-مۇنچە نەرسىلەرنى ئالغاچ كەلگەنىدى.

ئۇنچىلا

  • ئۇنچىلا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇقەدەر، ئۇنچىلىك دەرىجىدە:[مىسال:] مەتقۇربانباينىڭ دېيىشىچە، دېدى ئېلىقۇل «سەھىھۇل بۇخارى» ئۇنچىلا تېپىلمايدىغان كىتابمۇ ئەمەس.

ئۇنچىلىك

  • ئۇنچىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇنىڭدەك، بۇنچىلىك، ئازغىنە:[مىسال:] مەن ئۆزۈممۇ ئۇنچىلىك گەپنى بىلىمەن، دېدى مەخسۇت بەگ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇنچە، ئۇ قەدەر، ئۇ دەرىجىدە:[مىسال:] بىرلا ۋاقىتتا ھەم دېھقانچىلىق فاكۇلتېتىدا، ھەم سۇچىلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇش ئۇنچىلىك ئاسان چۈشمىدى.

ئۇنچىۋالا

  • ئۇنچىۋالا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۇنچىلىك كۆپ، شۇنچە نۇرغۇن:[مىسال:] قالغىنى بەك كۆپ ئىكەن، ئۇنچىۋالا قوناقنى نېمە قىلارمەن، دېدى كىچىكئاخۇن ئاران ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇ دەرىجىدە، ئۇ قەدەر، ئۇنچىلىك:[مىسال:] بۇ مۇنچىۋالا كۆپ تالاش-تارتىش قىلمىسىمۇ بولىدىغان مەسىلە ئىدى.

ئۇندا

  • ئۇندا[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئۇ يەردە، ئۇنىڭدا:[مىسال:] دەۋرىمىز خىسلەتكە باي، بىر قەھرىمانلىق مۇنبىرى، ئېچىلار ئۇندا تۈمەن قارلەيلىسى، مېيخۇا، ئەنبىرى.

ئۇندا-بۇندا

  • ئۇندا-بۇندا[يەشمىسى:] ① ئۇ يەر-بۇ يەردە، ئاندا-ساندا:[مىسال:] ئۇنىڭ بېشىدا ئۇندا-بۇندا ئاقلار پەيدا بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىرە-بىرە، گاھ-گاھ:[مىسال:] قارىساق شۇنچە بۈك-باراقسان ئورمانلار كېسلىپ ئۇندا-بۇندا بىرنەچچە تۈپلا قاپتۇ.

ئۇنداق

  • ئۇنداق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ئۇنىڭغا ئوخشاش، ئاشۇنداق:[مىسال:] ئۇنداق نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلما، سىڭلىم، دەپتۇ ئاكىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇ كەبى، شۇنداق:[مىسال:] ھەي ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەكبەر مۇشۇ ئەترەتتىن كەتمەيۋاتىدۇ.

ئۇنداقتا

  • ئۇنداقتا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «ئۇنداق بولسا، ئۇنداق بولغاندا» دېگەن مەنىدە ئالدىنقى جۈملە بىلەن كېيىنكى جۈملىنى شەرت-نەتىجە مۇناسىۋىتىدە باغلاپ كېلىدۇ:[مىسال:] سىلەر ئاشلىقىڭلارنى ئۆڭكۈردە ساقلايدىكەنسىلەر، ئۇرۇش بولۇپ قالغاندا، ئادەم ۋە ھايۋانلىرىڭلارنى ئېلىپ قۇملۇققا قېچىپ كىرىۋالىدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا، باشقا كىشىلەر ئاشلىقىڭلارنى ۋە ئادىمىڭلارنى تېپىۋالمامدۇ[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] خوش، ئەمىسە:[مىسال:] سىز بۇ كىشىنى دەرھال ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ، تېز قۇتقۇزۇۋالمىساق بولمايدۇ ئۇنداقتا سىزچۇ

ئۇنداق-مۇنداق

  • ئۇنداق-مۇنداق[يەشمىسى:] ① ھەر خىل؛ بەزى:[مىسال:] تېخنىكىلىق سىناقلاردا ئۇنداق-مۇنداق ئىشلار، مەغلۇبىيەت، غەلىبىلەر بولۇپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئادەتتىكى:[مىسال:] ھەنىپە خېنىم ئۇنداق-مۇنداق ئادەمنىڭ قىزى ئەمەس ئىدى.

ئۇنداقچى-مۇنداقچى

  • ئۇنداقچى-مۇنداقچى[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچى ئېيتىشنى ئەپ كۆرمىگەن، ھەر خىل يامان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغۇچىغا ئېيتىشتا قوللىنىدۇ:[مىسال:] خۇلاسە چىقارماي تۇرۇپ نېمىشقا خاسىيەتكە ئۇنداقچى-مۇنداقچى دەيدۇ

ئۇنداق-مۇنداق قىلىپ

  • ئۇنداق-مۇنداق قىلىپ[يەشمىسى:] ھەر خىل چارە-ئاماللار بىلەن، بىر ئىلاج قىلىپ:[مىسال:] دەرۋازىدا ئاياغ تىۋىشى پەيدا بولدى ۋە ئۇنداق-مۇنداق قىلىپ بولغۇچە «كىم سىلەر» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

ئۇنسۇر

  • ئۇنسۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئېلېمېنت:[مىسال:] سۇدىن نۇرغۇنلىغان مىكرو ئېلېمېنتلار، تۇپراقتىن ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، مىس، سىماب، كالتسىي، كالىي، ناترىي، فوسفور، مانگان قاتارلىق 60 نەچچە ئۇنسۇر كەشىپ قىلىندى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم ئىجتىمائىي گۇرۇھ ۋەكىلى، كىشى:[مىسال:] زىيالىي ئۇنسۇر. ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر.[يەشمىسى:] ③ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] دۈشمەن:[مىسال:] سەن ئۇنسۇرنىڭ بۇ ئاشلىقتا ھەققىڭ يوق دېدى ئامبارچى خالتىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئېتىپ، ئاۋۋال قەرزىڭنى تۆلە

ئۇنسۇرلۇق

  • ئۇنسۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۈشمەن دەپ تونۇلۇش، دۈشمەنلىك:[مىسال:] بەزى ئىشچىلار ئادىلغا: «ئۇ ئۇنسۇرلۇق قالپىقى بار ئادەم، يالىسى تېگىپ قالمىسۇن، دىققەت قىل» دېمىگەن بولسا، ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىق مۇناسىۋەت باغلىغۇسى بار ئىدى.

ئۇنسىيە

  • ئۇنسىيە[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئەنگلىيە-ئامېرىكا سىستېمىسىدىكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر قاداقنىڭ [SX(]1[]61[SX)] ىگە تەڭ.

ئۇنغىچە

  • ئۇنغىچە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئاشۇ ۋاقىت ئارىلىقىدا، ئاشۇ ۋاقىتقىچە:[مىسال:] ئەخمەت كەلسە يىغىننى باشلاپ تۇرۇڭلار، ئۇنغىچە ئۆزۈممۇ قايتىپ كېلىشىم مۇمكىن.

ئۇنغىچىلىك

  • ئۇنغىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئاشۇ ۋاقىتقا قەدەر، ئۇنغىچە:[مىسال:] ئۇنغىچىلىك ئۈچەيلەن، ئالدى ئۇنى قورشاۋغا. ئابدۇل تۈلكە كەلدى دۇچ، نۇرغۇن قاتتىق سوئالغا.

ئۇنۋان

  • ئۇنۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىلمىي، كەسپىي ساھەدە ئىشلىگۈچىلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىدىكى ئىختىساسلىق دەرىجىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلىنغان نام:[مىسال:] پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى.[يەشمىسى:] ② بىرەر شەخس ياكى كوللېكتىپنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن بېرىلگەن شەرەپلىك نام:[مىسال:] نەمۇنىچى دېگەن ئۇنۋانىڭ بېغىشلىدى ماڭا كۈچ-دەرمان، ۋەتەن ئوغلى بولۇپ چېگرىدا، خىزمەت قىلاي ئەمدى بىئارمان.

ئۇنۋانسىز

  • ئۇنۋانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇنۋانى يوق، ئۇنۋانغا ئېرىشمىگەن:[مىسال:] تۆۋەننىڭ خىزمىتىگە ياردەمگە بارىسىز دېگەن گەپ بىلەن مەنمۇ ئۇنۋانسىز قالدىم.

ئۇنۋانلىق

  • ئۇنۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇنۋانى بار، ئۇنۋانغا ئېرىشكەن:[مىسال:] ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىمۇ ۋىرۇس ئىلمىي لېكتورىدىن بارا-بارا تەجرىبىخانىنىڭ دوتسېنت ئۇنۋانلىق مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا كۆتۈرۈلگەنىدى.

ئۇنىماق

  • ئۇنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، تەلەپ، ئىلتىماس قاتارلىقلارغا رازى بولماق، ماقۇل بولماق، قوشۇلماق:[مىسال:] ماقۇل، لېكىن سەنمۇ مېنىڭ بىر شەرتىمگە ئۇنىشىڭ كېرەك، دېدى رۇقىيە.

ئۇنىغانغا يونىغاندەك

  • ئۇنىغانغا يونىغاندەك[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا ماقۇل كەلتۈرۈۋېلىپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىغانغا يونىغاندەك، بىرىنى چاقىرسا ئونى كېلەر.[يەشمىسى:] ② قېرىشقاندەك:[مىسال:] ئۇنىغانغا يونىغاندەك، شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىردىنبىر يۆلەكچىسى، غەمگۇزارى بولغان دادىسى ھاياتتىن كۆز يۇمدى.

ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي

  • ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي[يەشمىسى:] قوشۇلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، چىڭ تۇرۇپ:[مىسال:] بۇ ۋاقىتتا ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي كېۋىر ئاكىنى تراكتورنىڭ كابىنكىسىغا چىقىرىپ قويدى.

ئۇنىۋېرسال

  • ئۇنىۋېرسال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئوخشىمىغان تۈر، ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى نەرسىلەردىن تەركىب تاپقان، كۆپ ياكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر تەرەپلىمە:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بىر ئۇنىۋېرسال ماگىزىن دېيىشكە بولاتتى.[يەشمىسى:] ② بىرنەچچە ئىشنى قىلالايدىغان؛ ھەممىدىن خەۋىرى بار:[مىسال:] ئۇنىۋېرسال ماشىنا. * مەكتەپ ئىچىدە ئۇنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتقۇچى دېيىشەتتى.

ئۇنىۋېرسىتېت

  • ئۇنىۋېرسىتېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئالىي ئوقۇش يۇرتىنىڭ بىر خىلى. كۆپىنچە، ئۇنىۋېرسال ئالىي ئوقۇش يۇرتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇھ

  • ئۇھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] چارچاش، ھېرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇھ، ھېرىپ كەتتىما. * ئۇھ دەپ ئورنىدىن قوپتى ھەيدەر. * ئۇھ، نېمىدېگەن يېقىملىق كۈلۈمسىرەش-بۇ

ئۇھ تارتماق

  • ئۇھ تارتماق[يەشمىسى:] قاتتىق خورسىنماق، قاتتىق ھەسرەتلەنمەك:[مىسال:] سېنى ئۇقۇتىدىغانغا نەدە پۇل، جېنىم بالام، دېدى ئۇ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ.

ئۇھ دېمەك

  • ئۇھ دېمەك[يەشمىسى:] ① ھارغىنلىق، چارچىغانلىقنى «ئۇھ» بىلەن ئىپادىلىمەك:[مىسال:] تۇردىقارى چاپىنىنى بېشىغا قويۇپ، «ئۇھ» دەپ يېتىشىغا يېنىدا بىر ئۆلۈك يىلان پەيدا بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② ھاردۇقىنى چىقارماق، دەم ئالماق:[مىسال:] چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلانسام، خىزمەتنىڭ قاتىلاڭچىلىقىدىن «ئۇھ» دېيىشكىمۇ ۋاقىت يوق، دېدى ئابدۇراخمان.

ئۇھسىنماق

  • ئۇھسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇھ دېمەك.

ئۇھلىماق

  • ئۇھلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھېرىش، چارچاش ھالىتىنى «ئۇھ» دېيىش ئارقىلىق ئىپادىلىمەك:[مىسال:] نېمانچە ئۇھلايسەن، دادا، بۈگۈن دەم ئالغان بولساڭ بولاتتى، بۇنچىلىك ساماننى بىز توشۇۋېتەتتۇق.

ئۇۋا

  • ئۇۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بەزى ياۋايى ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ھاشاراتلارنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىشىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ياسىغان جاي:[مىسال:] قۇشقاچ ئۇۋىسى. چاشقان ئۇۋىسى. چۈمۈلە ئۇۋىسى. ئۇۋىسىنى بۇزماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇرار جاي:[مىسال:] ئانا، سىلەر شۇنداق قىلىپ، 20 يىل باققىنىمىزمۇ يېتەر، ئەمدى ئۆزۈڭگە ئۇۋا تاپ دېمەكچىمۇ دېدى زەيتۇنەم.

ئۇۋا ئىزلىگەن توخۇدەك

  • ئۇۋا ئىزلىگەن توخۇدەك[يەشمىسى:] بىرەر جىددىي ئەھۋالغا، قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ، ئامال تاپالماي جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۇ ئارىدا ئايپاشا، «مەن تەرەتكە چىقىپ كىرەي»دەپ يانپىشىنى سىلاپ، ئۇۋا ئىزلىگەن توخۇدەك يورغىلاپ تالاغا ماڭدى.

ئۇۋىسى بۇزۇلغان چۈمۈلىدەك

  • ئۇۋىسى بۇزۇلغان چۈمۈلىدەك[يەشمىسى:] تىرىپىرەن بولۇپ، پىتىراپ:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ئۇۋىسى بۇزۇلغان چۈمۈلىدەك ئۇياق-بۇ ياققا تارقىلىپ كەتتى.

ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىدەك

  • ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىدەك[يەشمىسى:] «ئۇۋىسى بۇزۇلغان چۈمۈلىدەك»كە قاراڭ:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن ئالتاي ئاھالىسى ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىدەك پىتىراپ، سارسۇمبىنى تاشلاپ ھەر يان قېچىپ كېتىشكە باشلىدى.

ئۇۋاتماق

  • ئۇۋاتماق[يەشمىسى:] «ئۇۋىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رەھىمجان ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ياپتى-دە، چىراغنى ياقتى. ئادەتتىكىدەك، قاتتىق ناننىڭ پارچىلىرىنى ئۇۋىتىپ، قارلغاچنىڭ ئۇۋىسى يېنىدىكى تۆشۈككە قويۇپ قويدى.

ئۇۋاشماق

  • ئۇۋاشماق[يەشمىسى:] «ئۇۋىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاياللار خاماننىڭ بىر تەرىپىدە قوناقنىڭ ئۇرۇقلۇق باشلىرىنى ئۇۋاشماقتا ئىدى.

ئۇۋاق

  • ئۇۋاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇۋالغان، ئۇششاق پارچىلانغان:[مىسال:] ئۇۋاق كۆمۈر. * ھوي، بولساڭچۇ، سۈتۈڭنى قاينات، قارىمۇچ بىلەن ئۇۋاق لازاڭدىن بەر

ئۇۋاقلاتماق

  • ئۇۋاقلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇۋاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۇۋاقلاشماق

  • ئۇۋاقلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇۋاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇۋاقلانماق

  • ئۇۋاقلانماق[يەشمىسى:] «ئۇۋاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۇۋاقلىماق

  • ئۇۋاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇششاق، ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئۇۋىماق:[مىسال:] سادىر شۇ زاۋۇتنىڭ تاش ئۇۋاقلاش سېخىنىڭ باش تېخنىكى ئىدى.

ئۇۋال

  • ئۇۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تېگىشلىك بولمىغان جازا، ئازاب، ئوقۇبەت، ناھەق ئەيىبلەش:[مىسال:] رەنجىمەيمەن ھېچ سېنىڭدىن قوغلىغانتىڭ دەپ مېنى، ئۆزگىدە تۇرسا ئۇۋالىم، نېمە دەپ سەندىن كۆرەي.[يەشمىسى:] ② ئورۇنسىز، مۈشكۈلات، قىيىنچىلىق، جاپا:[مىسال:] تراكتورچىلارمۇ ئۆز كەسپىدىن پايدىلىنىپ دېھقانلارغا زىيان سالسا، بىچارە دېھقانلارغا نېمىدېگەن ئۇۋال.

ئۇۋالى تۇتماق

  • ئۇۋالى تۇتماق[يەشمىسى:] «ئۇۋالىغا قالماق»قا قاراڭ:[مىسال:] رومالىڭ ھاۋا رەڭدە، چىرايىڭ تولۇن ئايىم. مەندىن ئايرىلىپ كەتسەڭ، ئۇۋالىم تۇتار دائىم.

ئۇۋالىغا قالماق

  • ئۇۋالىغا قالماق[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ قارغىش، نەپرىتىگە ئۇچرايدىغان ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئەيىبدارى بولماق، جازاسىنى تارتماق:[مىسال:] ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمەي، كۆرگەننىلا جازالاۋەرسەك، پۇقرالارنىڭ ئۇۋالىغا قالىمىز، دېدى مىرغەزەپ.

ئۇۋالى ئۆزىگە

  • ئۇۋالى ئۆزىگە[يەشمىسى:] يامان ئاقىۋىتىگە ئۆزى جاۋابكار، تېگىشلىك جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ:[مىسال:] راست بىلىمەن. بەش ئايدىن بېرى، شۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرسام، نېمىشقا بىلمەيمەن يالغان ئېيتسام ئۆز ئۇۋالىم ئۆزۈمگە.

ئۇۋالچىلىق

  • ئۇۋالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇۋال بولغان، ئورۇنسىز باشقىلارنىڭ جازاسىنى تارتىشقا گىرىپتار بولغان ھالەت، ناھەق جازالىنىش، ناھەق دەرد تارتىش:[مىسال:] قېنىڭلار قارا سايدا تۆكۈلسە، بالا-چاقاڭلار يېتىم قالسا، بۇ ئۇۋالچىلىقنى كىم تارتىدۇ

ئۇۋاللىق

  • ئۇۋاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىھۇدە پەيدا بولغان قىيىنچىلىق، ئورۇنسىز خاپىلىق:[مىسال:] ئوسمان ئاكا كېيىنكى يىللاردا ئۇۋاللىققا ئۇچراپ، بۇ يەردىن ئايرىلىپ كەتتى.

ئۇۋالماق

  • ئۇۋالماق[يەشمىسى:] «ئۇۋىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايلار، يىللار، ئەسىرلەر ئۆتەر، تاغلار ئۇۋىلىپ يۇلتۇزلار كۆچەر. ئىجاد ئەجرىڭدىن چاقنىسا چولپان، ئەۋلادلار سېنى مەڭگۈ ياد ئېتەر.

ئۇۋەت

  • ئۇۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇيات، نۇمۇس، ھايا.

ئۇۋۇلاتماق

  • ئۇۋۇلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇۋۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بەللىرىنى ئۆزى ئۇۋۇلاپ باقتى، لېكىن يەنىلا ئىزىغا كەلمىدى. باشقىلارغا ئۇۋۇلىتىپ باقتى، ئۇمۇ بولمىدى.

ئۇۋۇلاشماق

  • ئۇۋۇلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇۋۇلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىشىپ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشىغا بىز يېتىپ كەلدۇق.

ئۇۋۇلانماق

  • ئۇۋۇلانماق[يەشمىسى:] ① «ئۇۋۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەك ئىچى ئاغرىماق؛ قاتتىق ئازابلانماق:[مىسال:] بىچارە، دادىسىنىڭ ناھەق جازالانغانلىقىغا چىدىماي ئۇۋۇلىنىپ كەتتى.

ئۇۋۇلىماق

  • ئۇۋۇلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەدەننى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى قول بىلەن بېسىپ سىلىماق، مۇجىماق، ئىشقىلىماق:[مىسال:] مېھرىبان ئاۋۋال بالىنىڭ يانپىشىنى بارماقلىرى بىلەن خېلىغىچە يۇمشاق ئۇۋۇلىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] قول بىلەن بەدەننى بېسىپ، سىلاپ، مۇجۇپ ياكى سىلكىپ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرماق، تېرە ۋە نىرۋىلارنىڭ سەزگۈرلۈك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەك.[يەشمىسى:] ③ قول ئالىقانلىرى بىلەن قاتتىق بېسىپ سۈركەپ ئېزىپ دانىمۇ دانە قىلماق، ئۇۋىماق، ئەزمەك:[مىسال:] سادىق ئېتىزنىڭ توپىسىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ ئۇۋىلاپ كۆردى، تۇپراقتىن چىمدىپ ئېلىپ تىلى بىلەن تېتىپ باقتى.

ئۇۋىلاتماق

  • ئۇۋىلاتماق[يەشمىسى:] «ئۇۋىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۇۋىلاشماق

  • ئۇۋىلاشماق[يەشمىسى:] «ئۇۋىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇۋىلىق

  • ئۇۋىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توخۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۇۋىسىغا يەنە شۇ يەرگە تۇغۇش ئۈچۈن قويۇپ قويۇلىدىغان تۇخۇم:[مىسال:] بۇ ئايالنىڭ بالىسى كېيىنكى قېتىمدا قوشنىسىنىڭ ئۇۋىلىق ئۈچۈن كاتەككە سېلىپ قويغان تۇخۇمىنى ئوغرىلاپتۇ.

ئۇۋىلىماق

  • ئۇۋىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇۋا ياساپ، ماكان تۇتۇپ ياشىماق، كۆپەيمەك (قۇشلار، يىرتقۇچلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇۋىلىدى ھۇقۇش، ئالۋاستى، چۆلسىرىگەن نامرات يېزىدا، باھارنى جۇت، ئەلنى غەم باستى، قايتتى ئىشلار كونا ئىزىغا.[يەشمىسى:] ② بىر جايدا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپىيىپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ چاپىنىدا پىت ئۇۋىلىغانىدى.

ئۇۋىماق

  • ئۇۋىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يانجىپ، بېسىپ ئۇۋاق ھالەتكە كەلتۈرمەك، ئۇۋاقلىماق؛ دانە-دانە ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] قوناق ئۇۋىماق.

ئۇۋىندى

  • ئۇۋىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇۋىلىپ، ئۇششاقلىنىپ قالغان قالدۇقلىرى:[مىسال:] قىرلىق قورام تاشنى تەشكىل قىلغۇچى ئۇۋىندىلار ئادەتتە يۆتكەلمىگەن ياكى ناھايىتى قىسقا ئارىلىققا يۆتكەلگەن بولىدۇ.

ئۇي

  • ئۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىچىۋېتىلگەن كالا؛ ئۆكۈز:[مىسال:] ئۇي ئېلىڭ، تورپاق ئېلىڭ، ساپانۇ سۆرەم تارتقۇدەك، ئات ئېلىڭ، دۇلدۇل ئېلىڭ، قوشلاپ تاغارنى ئارتقۇدەك.

ئۇينىڭ قۇلىقىغا ساتار چالماق

  • ئۇينىڭ قۇلىقىغا ساتار چالماق[يەشمىسى:] ئوبيېكتقا، ئاڭلىغۇچىنىڭ ئېتىبار قىلىش-قىلماسلىقىغا قارىماي سۆزلىمەك:[مىسال:] نادان بىلەن سۆھبەت قۇرۇش ئۇينىڭ قۇلىقىغا ساتار چالغاندەكلا بىر ئىش.

ئۇيا

  • ئۇيا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تۇغقان، قېرىنداش، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار.

ئۇيات

  • ئۇيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇۋاپىقسىز سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن ئۆكۈنۈش، خىجىل بولۇش، ئىزا تارتىش؛ نومۇس، خىجىللىق:[مىسال:] ئۇيقۇدا ئۇيات يوق (ماقال).

ئۇياتچان

  • ئۇياتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇيىلىشنى، ئار-نومۇس قىلىشنى بىلىدىغان، يۈزى تۆۋەن، تارتىنچاق:[مىسال:] قىز-بالا دېگەن ئۇياتچان، نازۇك كېلىدۇ.

ئۇياتچانلىق

  • ئۇياتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تارتىنچاقلىق، نېپىزلىك، نومۇسلۇق:[مىسال:] رەنا ئۇياتچانلىق بىلەن يەرگە قارىۋالدى.

ئۇياتچانئوت

  • ئۇياتچانئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئۇياتچان+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تىكەنلىرى ۋە تۈكلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئىككى قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، سېزىمچانلىقى كۈچلۈك. گۈلى سۇس قىزىل، باشسىمان گۈل رېتىدە. چوكا مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن، بوغۇم-بوغۇم بولۇپ تۆكۈلىدۇ. مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇياتسىز

  • ئۇياتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇيىلىشنى، ئار-نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، تارتىنمايدىغان، نومۇسسىز:[مىسال:] ئۇياتسىز خوتۇن — تۇزلىمىغان ئاش (ماقال). * ئۇياتسىز مۈشۈككە قازناقنىڭ ئىشىكى ئوچۇق (ماقال).

ئۇياتسىزلىق

  • ئۇياتسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نومۇسسىزلىق، قېلىنلىق:[مىسال:] بۇ يەردە نومۇس دېگەن يوق، بۇ يەردە ئادەملەر ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئۇياتسىزلىق قىلىدۇ.

ئۇياتسىزلارچە

  • ئۇياتسىزلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇياتسىزلارغا ئوخشاش، ئۇياتسىزلىق بىلەن:[مىسال:] بۇلارنىڭ بۇ ئۇياتسىزلارچە قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ھەرگىز چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ.

ئۇياتقۇزماق

  • ئۇياتقۇزماق[يەشمىسى:] «ئۇياتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۇياتقۇزۇشماق

  • ئۇياتقۇزۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇياتقۇزماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇياتلىق

  • ئۇياتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كىشىنى ئۇيالدۇرىدىغان، خىجالەتتە قالدۇرىدىغان، ھاياسىز، شەرمەندە؛ خىجالەتلىك:[مىسال:] ئۇياتلىق گەپ. ئۇياتلىق قىلىق.[يەشمىسى:] ② ئەدەپ، ئىززەت-ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك، ناھايىتى ھۆرمەتلىك:[مىسال:] ئۇياتلىق مېھمان كەلگەندە نان تۆگەپتۇ (ماقال).

ئۇياتلىق يەر

  • ئۇياتلىق يەر[يەشمىسى:] جىنسىي ئەزانىڭ سىلىقلاشتۇرۇپ ئاتىلىشى:[مىسال:] توۋا... ھەنىپەكنىڭ ئېرى قاسىمۇۋ دېگەن سېنىڭدىنمۇ سەت، بىر قۇر ئىشتان-چاپاننى يىرتىلسا ياماپ، ھەتتا ئۇياتلىق يەرلىرى ئېچىلىپ قالغۇچە كىيىدىغان بىرنېمە ئىكەن.

ئۇياتماق

  • ئۇياتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ئۇيالماق«قا قاراڭ.

ئۇيالدۇرماق

  • ئۇيالدۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇيالماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بەرمىگەننى بېرىپ ئۇيالدۇرار (ماقال).

ئۇيالدۇرۇشماق

  • ئۇيالدۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇيالدۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇيالماق

  • ئۇيالماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كىشىلەر ئالدىدا قىيىن ئەھۋالدا قالماق؛ خىجىل بولماق، ئىزا تارتماق:[مىسال:] ئېغىز يېسە، يۇز ئۇيىلار (ماقال). * سورىغان بىلىم ئالار، ئۇيالغان كېيىن قالار (ماقال).

ئۇ يان-بۇ يان

  • ئۇ يان-بۇ يان[يەشمىسى:] ئۇ يان ۋە بۇ يان، ئۇ تەرەپ ۋە بۇ تەرەپ، يا ئۇ ياق يا بۇ ياق.

ئۇيخا

  • ئۇيخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] مەنە؛ تايىن.

ئۇيسۇنلار

  • ئۇيسۇنلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزدە ياشىغان قەدىمكى مىللەت. بۇ مىللەت ئەينى زاماندا چىليەنشەن تېغى بىلەن دۇڭخۋاڭ ئارىلىقىدا ياشىغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى 161-يىللىرى ئەتراپىدا غەربكە كۆچۈپ، ھازىرقى ئىلى دەرياسى ۋادىسى بىلەن ئىسسىق كۆل ئەتراپلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىنچە غەربىي رايون تۇتۇق ھىراۋۇلىغا قارىغان، شىمالىي ۋە جەنۇبىي خانلىقلار زامانىدا كۆكئارتنىڭ شىمالىغا كۆچكەن. كېيىن بارا-بارا قوشنا مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

ئۇيغۇر

  • ئۇيغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

ئۇيغۇر تىلى

  • ئۇيغۇر تىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسىي مىللەت — ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىلى. ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە كىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى

  • ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق، تاللانغان يازما ئەدەبىيات ئەسەرلىرى. بۇلار ئاساسەن «كۆكتۈرك خاندانلىقى» دەۋرىدىن تاكى ⅩⅨئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتمايدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر يېزىقى

  • ئۇيغۇر يېزىقى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر مىللىتى قوللانغان يېزىق. ھازىر قوللىنىۋاتقىنى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئىسلاھ قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدۇر.

ئۇيغۇرچە

  • ئۇيغۇرچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر خەلقىگە، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، ئۇيغۇر خەلقىگە خاس بولغان:[مىسال:] ئۇيغۇرچە كىيىم. ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل. ئۇيغۇرچە ناخشا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى:[مىسال:] گەنسۇ دېگەن سۆز، ئۇيغۇرچە «كەڭسۇ» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دېدىڭما شۇنىڭغا قارىغاندا، ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان سۆزلەرمۇ بار ئىكەندە[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تىلى، يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر تىلى، يېزىقى ۋاسىتىسى بىلەن:[مىسال:] ئۇيغۇرچە سۆزلىمەك. * مەن تاشقا ئولتۇردۇم-دە، مۇنۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىلىپ يازدىم.

ئۇيغۇرچىلاپ

  • ئۇيغۇرچىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئۇيغۇر تىلىدا:[مىسال:] مۇنداق چاغدا ئۇمۇ كۈلۈپ، ساپ ئۇيغۇرچىلاپ: «ھە نېمە دەيسەن» دەپ جاۋاب بېرەتتى.

ئۇيغۇرچىلاشتۇرماق

  • ئۇيغۇرچىلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا ئىپادىلىمەك، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلماق:[مىسال:] ئۇ بۇ ھېكايىنى ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

ئۇيغۇرشۇناس

  • ئۇيغۇرشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىل-يېزىقى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس.

ئۇيغۇرشۇناسلىق

  • ئۇيغۇرشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىل-يېزىقى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئىلمى.

ئۇيغۇن

  • ئۇيغۇن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] مەلۇم قاراش، تەلەپ، ھېسسىياتقا ماس كېلىدىغان، مۇۋاپىق؛ مەلۇم مىقدار، شەكىل، ئۆلچەمگە مۇناسىپ، باب:[مىسال:] بۇ پىلان مەھەللىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ئەمەس.

ئۇيغۇن

  • ئۇيغۇن[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] مەلۇم قاراش، تەلەپ، ھېسسىياتقا ماس كېلىدىغان، مۇۋاپىق؛ مەلۇم مىقدار، شەكىل، ئۆلچەمگە مۇناسىپ، باب:[مىسال:] بۇ پىلان مەھەللىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ئەمەس.

ئۇيغۇنلاشتۇرماق

  • ئۇيغۇنلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئۇيغۇنلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىزمۇ ئىدىيىمىزنى يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

ئۇيغۇنلاشماق

  • ئۇيغۇنلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇيغۇن، ماس ھالەتكە كەلمەك، ئۇيغۇن بولماق، مۇۋاپىقلاشماق:[مىسال:] دېمەك، تۈپ ئاساسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشتى.

ئۇيغۇنلۇق

  • ئۇيغۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇۋاپىق، ماسلىق، بابلىق:[مىسال:] فىلىمدىكى ۋەقە-ھادىسىلەر فىلىمدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دەۋرنىڭ تۈرمۇش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇيغۇنلۇق ئاشۇ ۋاقىتتىكى پەۋقۇلئاددە مۇھىت بىلەن پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ ماسلىقىدا، تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قويۇقلۇقىدا ۋە مىللىي خۇسۇسىيەتنىڭ روشەنلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

ئۇيقا-تۇيقا

  • ئۇيقا-تۇيقا [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋەيران، خاراب.

ئۇيقاش

  • ئۇيقاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ماسلىشىش، قاپىيە كېلىش، قاملىشىش.

ئۇيقۇ

  • ئۇيقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تورمۇزلىنىش جەريانى چوڭ مېڭە پوستلىقىغا تارىلىپ، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ تۆۋەنكى قىسىملىرىغىچە يېتىپ بارىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، ئۇ جىسمانىي ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. [يەشمىسى:] ② بەزى ھاشارات ۋە ئۆسۈملۈك، دەل-دەرەخلەرنىڭ قىشلىق ئۈچەك ھالىتى:[مىسال:] قىشلىق ئۇيقۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەرىكەت ۋە شاۋقۇن-سۈرەن بولمىغان جىمجىت ھالەت:[مىسال:] بۇ چاغدا شەھەر ئۇيقۇدا ئىدى.

ئۇيقۇسى ئېچىلماق

  • ئۇيقۇسى ئېچىلماق[يەشمىسى:] ① ئۇيقۇدىن ئويغانماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھوشيار بولماق، سەگەكلەشمەك:[مىسال:] ئۇيقۇمىزنى ئېچىپ بىزگە ئەقىل ئۆگىتىپ قويغان سېغىزخانغا رەھمەت.

ئۇيقۇچان

  • ئۇيقۇچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۇخلاشقا ئامراق، كۆپ ئۇخلايدىغان:[مىسال:] مەن يېقىندىن بۇيان بەك ئۇيقۇچان بولۇپ كەتتىم.[يەشمىسى:] ② ئۇيقۇلۇق، ئۇيقۇ باسقان:[مىسال:] ئايشەمگۈلنىڭ ئانىسى بۇسۇغىدا ئۇيقۇچان كۆزلىرى بىلەن قىزىغا ئەجەبلىنىپ قاراپ تۇراتتى.

ئۇيقۇچى

  • ئۇيقۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ ئۇخلايدىغان:[مىسال:] مىجىتقارى ناھايىتى ئۇيقۇچى ئادەم ئىدى. ئۇلتۇرسىمۇ كۆزى ئۇيقۇغا كېتەتتى.

ئۇيقۇسىراتماق

  • ئۇيقۇسىراتماق[يەشمىسى:] «ئۇيقۇسىرىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئۇيقۇسىراشماق

  • ئۇيقۇسىراشماق[يەشمىسى:] «ئۇيقۇسىرىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇيقۇسىرىماق

  • ئۇيقۇسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۇخلىغۇسى، ئۇيقۇسى كەلمەك، ئۇيقۇ باسماق:[مىسال:] مۇتەللىپمۇ شۇ چاغدا خېلى ئۇيقۇسىراپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.

ئۇيقۇسىز

  • ئۇيقۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇخلىمىغان، ئۇخلىماي، ئۇخلىماستىن:[مىسال:] ھاۋا ئىسسىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئېزىلىپ، ئۇيقۇسىز كۆزلىرىنى يېرىم ئېچىپ كەلمەكتە ئىدى. ∥ ئۇ بۇ بىرنەچچە كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى.

ئۇيقۇسىزلىق

  • ئۇيقۇسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇخلىمىغان ياكى ئۇيقۇغا قانمىغان، ئۇيقۇغا تەشنا ھالەت:[مىسال:] ئۇيقۇسىزلىق، ئاچلىق ئۇنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېزىۋەتتى.

ئۇيقۇلۇقⅠ

  • ئۇيقۇلۇقⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇيقۇ باسقان، ئۇيقۇسىرىغان؛ ئۇيقۇدىكى، ئۇيقۇ ئارىلاش:[مىسال:] نەگە يوقاپ كەتتىڭىز دېدى ئايىمخان ئۇيقۇلۇق ئاۋاز بىلەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇخلاۋاتقان، ئۇيقۇ ھالىتىدىكى:[مىسال:] ئۇيقۇلۇق ئادەمنى نېمىدەپ ۋارقىراپ ئۇيغىتىسەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى ھالەت، ئۇيقۇ:[مىسال:] ئۇ قۇل بالا مېنىڭ پەرزەنتىم ئىدى، ئۆلۈپ كەتتى. ئەمدى، ئۇيقۇلۇقتا ئېتىپ تاشلاپتىمەن.

ئۇيقۇلۇقⅡ

  • ئۇيقۇلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىگە جايلاشقان، كالا تىلى شەكلىدىكى بىر خىل بەز. ئۇ ھەزىم قىلىشقا ياردەملىشىدىغان ئۇيقۇلۇق سۇيۇقلۇقى شۇنىڭدەك قەنتنىڭ ئالمىشىشىنى تەڭشەيدىغان ئىنسۇلىننى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

ئۇيقىلىماق

  • ئۇيقىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بەدەننى ئۇۋۇلاپ تۇتۇپ قويماق، ئۇۋۇلىماق.

ئۇيۇتقا

  • ئۇيۇتقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇيۇتۇلغان نەرسە.

ئۇيۇتما

  • ئۇيۇتما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇيۇتۇپ تەييارلانغان، ئۇيۇتۇلغان:[مىسال:] ئۇيۇتماقان. پولات ئۇيۇتما.

ئۇيۇتماق

  • ئۇيۇتماق[يەشمىسى:] «ئۇيۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار خېلى ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن، ئەپەندىم قېتىق ئۇيۇتىدىغان تەڭنىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، پادىشاھنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىراپتۇ.

ئۇيۇتۇشماق

  • ئۇيۇتۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇيۇتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئۇيۇتۇلماق

  • ئۇيۇتۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇيۇتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئۇيۇشتۇرماق

  • ئۇيۇشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «ئۇيۇشماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇتقۇچىلار بوش ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئۇيۇشتۇردى.[يەشمىسى:] ② تەشكىل قىلماق، تەشكىللىمەك:[مىسال:] مۇئەللىم تەنتەربىيە دەرس سائىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئۇيۇشتۇردى.[يەشمىسى:] ③ يىغماق، توپلىماق:[مىسال:] ماقالە ئۇيۇشتۇرماق.

ئۇيۇشتۇرۇشماق

  • ئۇيۇشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئۇيۇشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشقان يىغىن-پىغىنلىرىمۇ قانچىلىك بۇلاركىن تاڭ

ئۇيۇشتۇرۇلماق

  • ئۇيۇشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئۇيۇشتۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار شەھەرگە تەنتەنە بىلەن قايتقاندىن كېيىن، غالىبلار شەرىپىگە نەچچە كۈن كاتتا زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ئۇيۇشقاق

  • ئۇيۇشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر مەقسەتتە تېز ھەرىكەتكە كېلىدىغان، دەرھال ئۇيۇشالايدىغان، ئىتتىپاق:[مىسال:] بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەقىقەتەن جەڭگىۋار، ئاڭلىق، ئۇيۇشقاق ياخشى كوللېكتىپ ئىكەن.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە ئاسانلا جىپسىلىشىۋالىدىغان:[مىسال:] ئۇيۇشقاق جىسىملار.

ئۇيۇشقاقلىق

  • ئۇيۇشقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيۇشۇش، ئۆزئارا چىپسلىشىش، چاپلىشىش:[مىسال:] ئىتتىپاقلىقنىڭ مېغىزى ئۇيۇشقاقلىقتۇر.

ئۇيۇشما

  • ئۇيۇشما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر مەقسەتتە بىرلەشكەن، ئۇيۇشقان كىشىلەر ياكى تەشكىلاتلار بىرلەشمىسى؛ ئىتتىپاق، تەشكىلات:[مىسال:] ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى. ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى.

ئۇيۇشماقⅠ

  • ئۇيۇشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن توپلانماق، بىرلەشمەك، جەم بولماق، تەشكىللەنمەك:[مىسال:] بىز ئىلگىرى چېچىلاڭغۇ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولساق، ئەمدى ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىغا ئۇيۇشتۇق.

ئۇيۇشماقⅡ

  • ئۇيۇشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سوغۇق ياكى قان يۈرۈشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن بەدەننىڭ مەلۇم جايى سەزمەس بولۇپ قالماق، ھەرىكەتلەندۈرسە قىم-قىم قىلىپ ئاغرىماق:[مىسال:] ئانا تېخىچىلا جاينامازدىن تۇرمىدى، پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ كەتتى.

ئۇيۇق-تۇيۇق

  • ئۇيۇق-تۇيۇق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋەيران، بېزەپ، خاراب.

ئۇيۇل

  • ئۇيۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇيۇغان، ئۇيۇپ بىر پۈتۈن، قاتقان ھالەتكە كەلگەن، مونەك:[مىسال:] ئۇيۇل چويۇن.

ئۇيۇلغۇ

  • ئۇيۇلغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جاندارلارنى ئوتقا باغلاپ قويۇش.

ئۇيۇم

  • ئۇيۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇيۇپ قاتقان ھالىتى:[مىسال:] قارىسام ئۇنىڭ ئوڭ مەڭزى ئىششىپ، ئاغزى-بۇرنىدا قىپقىزىل قان ئۇيۇملىرى قېتىپ قاپتۇ.

ئۇيۇماق

  • ئۇيۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قويۇقلىشىپ قاتقان ھالەتكە كەلمەك، قاتماق، قاتتىقلاشماق:[مىسال:] قېتىق ئۇيۇدى.

ئۇيۇندى

  • ئۇيۇندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇيۇپ قېتىپ قالغان قالدۇق قىسمى:[مىسال:] ئۇ مەھبۇسنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەت-بەدەنلىرىنى قاپلاپ تۇرغان يارا ئىزلىرىنى، قېتىشىپ قالغان قان ئۇيۇندىلىرىنى كۆردى.

ئۇيىتىشماق

  • ئۇيىتىشماق[يەشمىسى:] «ئۇياتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قىلىپ قويغان ئىشلىرىغا قاتتىق ئۇيىتىشتى.

ئۇيىلىشماق

  • ئۇيىلىشماق[يەشمىسى:] «ئۇيالماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خىجىللىقتىن ئۇيىلىشىپ تۇرغان قىزلار يۈزلىرىنى تۇتۇشۇپ يەرگە قارىشىۋالدى.