ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

19 گ 🔗

گ

گاباردىن

گابرو

گاجاڭ

گاچ

گاچا

گاچچىدە

گاچ-گاچ

گاچ-گۇچ

گاچىلاشماق

گاچىلداتماق

گاچىلدىماق

گاچىلىق

گاداⅠ

گاداⅡ

گاداچە

گادالاشماق

گاداي

گادايچىلىق

گادايلاشتۇرماق

گادايلاشتۇرۇشماق

گادايلاشتۇرۇلماق

گادايلاشماق

گادايلىق

گادرون

گادولىنىي

گادىرماچ

گادىرماچلاشماق

گادىرماچلىق

گار

گارا

گاراخ

گاراژ

گاراڭⅠ

گاراڭⅡ

گاراڭ-گاراڭ

گاراڭ-گۇرۇڭ

گاراڭڭىدە

گاراڭلىق

گارت

گارتتىدە

گارت-گارت

گارت-گۇرت

گارسىنىيە

گارشوك

گارموشكا

گارمون

گارمونچى

گارمونىيە

گارمونىيىشۇناس

گارمونىيىشۇناسلىق

گارمونىيىلەشتۈرمەك

گارمونىيىلەشتۈرۈش

گارمونىيىلەشتۈرۈشمەك

گارمونىيىلەشتۈرۈلمەك

گارمونىيىلەشمەك

گاز

گازارما

گازسىمان

گازلاشتۇرماق

گازلاشتۇرۇشماق

گازلاشتۇرۇلماق

گازلاشماق

گازلانماق

گازلىق

گازۋان

گازۋاي

گازىر

گازىر-پۇرچاق

گازىرچى

گازىن

گاژ

گاژژىدە

گاژ-گاژ

گاژ-گۇژ

گاژىلداتماق

گاژىلداشماق

گاژىلدىماق

گاسⅠ

گاسⅡ

گاستاڭ

گاسترودىيە

گاس-گاچا

گاسلىق

گاشات

گافنىي

گاڭⅠ

گاڭⅡ

گاڭبەن

گاڭبى

گاڭپەن

گاڭزا

گاڭسا-جىسا

گاڭ-گالاس

گاڭگۇڭ

گاڭگۇڭلۇق

گاڭگىراتماق

گاڭگىراشماق

گاڭگىرىماق

گالⅠ

گېلى پوق

گېلى قىچىشماق

گېلىنى قىسماق

گالⅡ

گالاچ

گالاچچىدە

گالاچ-گالاچ

گالاچ-گۇلۇچ

گالاچلاتماق

گالاكتىكا

گالدۇڭ

گالدى-گۇلدۇڭ

گالزاڭ

گالزاڭلىق

گالستۇك

گالستۇكلۇق

گاللاشتۇرماق

گاللاشماق

گاللون

گاللىي

گالوگېنلار

گالوگېنلىق

گالوگېنىدلار

گالۋاڭ

گالۋاڭلاشتۇرماق

گالۋاڭلاشتۇرۇلماق

گالۋاڭلاشماق

گالۋاڭلىق

گالۋانومېتىر

گامماⅠ

گامماⅡ

گامېتا

گامېتىلىق

گانتېل

گاندون

گانگرېنا

گاھ

گاھ-گاھ

گاھى

گاھىبىر

گاھىدا

گاھى-گاھى

گائۇس

گاۋشەن

گاۋشەنچە

گايكا

گەپ

گەپ ئانىسى

گەپ ئەۋەتمەك

گەپتە چېقىۋالماق

گەپ تەرگەشمەك

گەپ توشۇماق

گەپ توقۇماق

گەپ سىغمايدۇ

گەپكە قويماق

گەپچى

گەپچىلىك

گەپخانا

گەپخۇمار

گەپدان

گەپدانلاشماق

گەپدانلىق

گەپساتتى

گەپ-سۆز

گەپ-سۆزسىز

گەپلەشتۈرمەك

گەپلەشمەك

گەج

گەجسىمان

گەجگە

گەجگىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن

گەجگىلىمەك

گەجلەتمەك

گەجلەنمەك

گەجلىمەك

گەدەن

گەدەنباغ

گەدەنكەش

گەدەنكەشلىك

گەر

گەرەتكە

گەرچە

گەردۇن

گەردى

گەردىش

گەردىشسىمان

گەردىشلىك

گەردىن

گەرنىز

گەرىس

گەزⅠ

گەزⅡ

گەزلەتمەك

گەزلەشمەك

گەزلەنمەك

گەزلىك

گەزلىمە

گەزلىمەك

گەزمال

گەزمالچى

گەزمالچىلىق

گەزنە

گەكسى

گەگىتمەل

گەڭكىلىمەك

گەلەپى

گەلەنتىر

گەلەنتىرچى

گەلەنتىرچىلىك

گەللە

گەم

گەمە

گەنجىڭ

گەندە

گەۋدە

گەۋدىسىز

گەۋدىلەشتۈرمەك

گەۋدىلشتۈرۈلمەك

گەۋدىلەشمەك

گەۋدىلەندۈرمەك

گەۋدىلەندۈرۈشمەك

گەۋدىلەندۈرۈلمەك

گەۋدىلەنمەك

گەۋدىلىك

گەيجاڭ

گرابىن

گرادۇس

گرادۇسلۇق

گرادىئېنت

گراف

گرافا

گرافىت

گرافىك

گرافىكا

گرافىكىلىق

گرام

گراملاتماق

گراملانماق

گراملىق

گراملىماق

گرامماتىكا

گرامماتىكىلىق

گرانات

گراناتوميوت

گرانىت

گرانىتلىق

گراۋىتاتسىيە

گراۋىتاتسىيىلىك

گراۋىمېتىرىيە

گروزىن

گروزىنچە

گرېك

گرېلكا

گرېيزېن

گلاۋكوما

گلوبۇس

گلوبۇلىن

گلۇكوزا

گلىكوزىد

گلىتسېرىن

گلىكوگېن

گنېيس

گوئارانى

گوپاك

گوداڭ

گوداڭلىق

گورمون

گورىزونتال

گوسپىتال

گوسسامپىنۇس

گول

گولف

گوللاشماق

گوللانماق

گوللۇق

گوللىماق

گولمۇيماق

گولمىي

گولوگرافىيە

گولوگرافىيىلىك

گولوگرامما

گولىماق

گومولوگ

گومۇش

گومۇشلۇق

گومىنداڭ

گومىنداڭچى

گوئۇردې

گوۋۇيۈەن

گويا

گوياخەي

گوياكى

گۇئارانى

گۇئانىدىن

گۇپپاڭ

گۇپپاڭچى

گۇپپاڭچىلىق

گۇتتاتۇس

گۇچ

گۇچچىدە

گۇچ-گۇچ

گۇچىلداتماق

گۇچىلداشماق

گۇچىلدىماق

گۇدۇڭ

گۇدۇڭ-گۇدۇڭ

گۇدۇڭلاشماق

گۇدۇڭلىماق

گۇردى

گۇرۇپپا

گۇرۇپپىلاشتۇرماق

گۇرۇپپىلاشتۇرۇلماق

گۇرۇپپىلاشماق

گۇرۇپپىلىق

گۇرۇپپىلىماق

گۇرۇپپىۋاز

گۇرۇپپىۋازلىق

گۇرۇھ

گۇرۇھچىلىق

گۇرۇھ-گۇرۇھ

گۇرۇھۋاز

گۇرۇھۋازلىق

گۇشا

گۇك

گۇك-گۇك

گۇ-گۇ

گۇگۇكلاشماق

گۇگۇكلىماق

گۇگۇم

گۇگۇملاشماق

گۇڭⅠ

گۇڭⅡ

گۇڭⅢ

گۇڭⅣ

گۇڭپۇڭ

گۇڭراتماق

گۇڭراشماق

گۇڭرىماق

گۇڭشې

گۇڭشېلاشتۇرماق

گۇڭشېلاشتۇرۇلماق

گۇڭشېلاشماق

گۇڭگا

گۇڭ-گۇڭ

گۇڭگىلىق

گۇڭ-مۇڭ

گۇڭۇرلاشماق

گۇڭۇرلىماق

گۇڭۇر-مۇڭۇر

گۇڭۇلداتماق

گۇڭۇلداشماق

گۇڭۇلدىماق

گۇلا

گۇلاب

گۇلاخ

گولدېر

گۇمⅠ

گۇمⅡ

گۇممىدە

گۇماشتا

گۇمان

گۇمان-ئەندىشە

گۇمانخور

گۇمانخورلۇق

گۇمانسىراتماق

گۇمانسىراشماق

گۇمانسىرىماق

گۇمانسىز

گۇمانسىزلىق

گۇمانلاندۇرماق

گۇمانلانماق

گۇمانلىق

گۇمانلىنىشماق

گۇمانىزم

گۇمانىست

گۇمانىي

گۇمبا-گۇمباڭ

گۇمباڭ

گۇمباڭ-گۇمباڭ

گۇمباڭلاتماق

گۇمباڭلاشماق

گۇمباڭلىماق

گۇمپا

گۇمران

گۇمرانچىلىق

گۇمرانلىق

گۇمراھ

گۇم-گۇم

گۇممىدە

گۇناھ

گۇناھسىز

گۇناھسىزلىق

گۇناھكار

گۇناھكارلارچە

گۇناھكارلىق

گۇناھلىق

گۇندا

گۇندىپاي

گۇندىخانا

گۇۋاھ

گۇۋاھچى

گۇۋاھچىلىق

گۇۋاھلىق

گۇۋاھنامە

گۇئىلدېر

گۇي

گۇيتۇزا

گۆدەك

گۆدەكلەرچە

گۆدەكلىك

گۆر

گۆرگە ئىتتەرمەك

گۆرە

گۆرە-گۆرە

گۆرداش

گۆركار

گۆركارلىق

گۆرلۈك

گۆرۈ

گۆرۈخانا

گۆرۈكەش

گۆرۋەن

گۆرىستان

گۆرىستانلىق

گۆسمە

گۆسمەك

گۆسمۈس

گۆش

گۆشەيمەك

گۆشتۇل

گۆشخور

گۆشخورلۇق

گۆشسىز

گۆشسىمان

گۆشگىردە

گۆشگىردىچى

گۆشلەشمەك

گۆشلۈك

گۆشنان

گۆشىيىشمەك

گۆش-ياغ

گۆكە

گۆلەش

گۆلەيمەك

گۆلمە

گۆلىيىشمەك

گۆھەر

گۆھەرنى تاشقا ئۇرماق

گۆھەرپۇرۇش

گۆھەرشۇناس

گۆھەرشۇناسلىق

گۆھەرلىك

گۆيەك

گۈپ

گۈپپىدە

گۈپ-گۈپ

گۈپۈر

گۈپۈر-غالاپ

گۈپۈر-گۈپۈر

گۈپۈرلەتمەك

گۈپۈرلەشمەك

گۈپۈرلىمەك

گۈپۈلدەتمەك

گۈپۈلدەشمەك

گۈپۈلدىمەك

گۈدرەت

گۈدۈك

گۈر

گۈرەن

گۈرەنلىك

گۈرجەك

گۈررىدە

گۈرزە

گۈرزىچى

گۇرس

گۈرسسىدە

گۈرس-گۈرس

گۈرسۈلدەتمەك

گۈرسۈلدەشمەك

گۈرسۈلدىمەك

گۈركىرەتمە

گۈركىرەتمەك

گۈركىرەشمەك

گۈركىرىمەك

گۈر-گۈر

گۈرۈچ

گۈرۈلدەتمەك

گۈرۈلدەشمەك

گۈرۈلدىمەك

گۈزەر

گۈزەل

گۈزەللەشتۈرمەك

گۈزەللەشتۈرۈشمەك

گۈزەللەشتۈرۈلمەك

گۈزەللەشمەك

گۈزەللىك

گۈگۈسۈن

گۈگۈسۈنلۈك

گۈڭگۈرت

گۈڭگۈرتلەشتۈرمەك

گۈڭگۈرتلەشتۈرۈلمەك

گۈڭگۈرتلەشمەك

گۈڭگۈرتلەنمەك

گۈڭگۈرتلۈك

گۈڭگۈرمەن

گۈل

گۈل كەلتۈرمەك

گۈلى گۈلىگە كەلمەك

گۈلىنى قىسماق

گۈلە

گۈلەپشان

گۈلەش

گۈلە-قاق

گۈلەڭ

گۈلئەنبەر

گۈلبوغۇن

گۈلبىنەپشە

گۈلچاڭ

گۈلچەمبىرەك

گۈل-چېچەك

گۈلچى

گۈلچىلىك

گۈلچىمەن

گۈلخان

گۈلخانا

گۈلخەيرى

گۈلدار

گۈلدان

گۈلدەستە

گۈلدۈر

گۈلدۈراس

گۈلدۈر-تاراق

گۈلدۈر-غاراس

گۈلدۈر-غالاپ

گۈلدۈر-قاراس

گۈلدۈر-گۇمپاڭ

گۈلدۈر-گۈلدۈر

گۈلدۈرلەتمەك

گۈلدۈرلەشمەك

گۈلدۈرلىمەك

گۈلدۈرماما

گۈلدۈرمامىلىق

گۈلدۈرمە

گۈلزار

گۈلزارلىق

گۈلسامساق

گۈلسۇرۇخ

گۈلسۆسەر

گۈلسىز

گۈلشەن

گۈلشىۋاق

گۈل-غۇنچە

گۈلقات

گۈلقەقە

گۈلقەنت

گۈلقىيار

گۈل-گۈلىستان

گۈل-گۈلىستانلىق

گۈلگۈم

گۈلگۈن

گۈل-گىياھ

گۈل-گىياھسىز

گۈللەتمەك

گۈللەنمەك

گۈللۈك

گۈللىمەك

گۈلمە

گۈلنار

گۈلناز

گۈلنەپشە

گۈلئۇزار

گۈلىچى

گۈلىستان

گۈلىستانلىق

گۈليار

گۈليەسىمەن

گۈم

گۈمبە

گۈمبەز

گۈمبەزچىلىك

گۈمبەزسىمان

گۈمبەزلىك

گۈمبۈر

گۈمبۈر-گۈمبۈر

گۈمبۈرلەتمەك

گۈمبۈرلەشمەك

گۈمبۈرلىمەك

گۈم-گۈم

گۈممىدە

گۈمۈرەڭگۈ

گۈمۈرۈلمەك

گۈن

گۋاردىيە

گېپارىن

گېتزال

گېدە

گېرەم

گېرب

گېرتس

گېرتسوگ

گېركۇلېس

گېرمان

گېرمانىي

گېزەرمە

گېزەرمەك

گېزەكⅠ

گېزەكⅡ

گېزەكچى

گېزەكچىلىك

گېزەك-گېزەك

گېزەكلەشتۈرمەك

گېزەكلەشمەك

گېزەكمۇگېزەك

گېزەندە

گېزىت

گېزىتچى

گېزىتچىلىك

گېزىتخانا

گېزىت-ژۇرنال

گېزىرىشمەك

گېستاپو

گېستاپوچى

گېكتار

گېكتوكراف

گېكتوگرام

گېكتولىتىر

گېكتومېتىر

گېگساخلوران

گېگىلچىلىق

گېگىلىزم

گېگىلىزملىق

گېلاۋ

گېلاۋچە

گېلاۋخۇي

گېلەك

گېرمان

گېلىكتەمەك

گېلىي

گېماتىن

گېموگلوبىن

گېن

گېنتىئانا

گېنرى

گېنېتىكا

گېنېتىكىلىق

گېنېراتور

گېنېرال

گېئوپوتېنسىئالمېتىر

گېئوتېرمىكا

گېئوتېكتونىكا

گېئوتېكتونىكىلىق

گېئوخىمىيە

گېئودېزىيە

گېئوسىنكلىنال

گېئوفىزىكا

گېئوفىزىكىلىق

گېئولوگ

گېئولوگىيە

گېئولوگىيىلىك

گېئومېتىرىيە

گېئومېتىرىيىلىك

گېئومېخانىكا

گىببېرېللىن

گىببىست

گىبرىد

گىپنوز

گىپنوزچى

گىپنوزلانماق

گىپنوزلۇق

گىپنوزلىماق

گىپوخلورىت

گىپوفىز

گىپېربولا

گىپېرون

گىپىس

گىپىسلاتماق

گىپىسلىماق

گىتار

گىتارچى

گىجەك

گىجەكلەشمەك

گىجىرماچ

گىجىڭ

گىجىڭلىق

گىجىڭلىماق

گىجىم

گىچ

گىچاڭلاتماق

گىچچىدە

گىچ-گىچ

گىچماچ

گىچماچلاشتۇرماق

گىچماچلاشماق

گىچىر

گىچىر-گىچىر

گىچىرلاتماق

گىچىرلىماق

گىچىلداتماق

گىچىلداشماق

گىچىلدىماق

گىچىماچاڭ

گىدە

گىدەيتمەك

گىدەيمەك

گىدرات

گىدرازىن

گىدراۋلىكا

گىدراۋلىكىلىق

گىدرو

گىدروئاكۇستىكا

گىدروبىئولوگىيە

گىدروتېخنىك

گىدروتېخنىكا

گىدروتېخنىكىلىق

گىدروخىمىيە

گىدرودىنامىكا

گىدرودىنامىكىلىق

گىدروسىئانىد

گىدروستاتىكا

گىدروستاتىكىلىق

گىدروسفېرا

گىدروفتورىد

گىدروفون

گىدروكسىد

گىدروكسىل

گىدروكسىلئامىن

گىدروكلىماتولوگىيە

گىدروگراف

گىدروگېنېراتور

گىدروگېئولوگىيە

گىدروگېئولوگىيىلىك

گىدرولۇق

گىدرولوگىيە

گىدرولىز

گىدرولىزلاتماق

گىدرولىزلاشماق

گىدرولىزلانماق

گىدرولىزلىغۇچى

گىدرولىزلىماق

گىدرومېتىرىيە

گىدرومېخانىزم

گىدرومېخانىكا

گىدروئېنېرگىتىكا

گىدروئېنېرگىيە

گىدروئېنېرگىيىلىك

گىدىك

گىدىك-گىدىك

گىدىگەي

گىدىيىشمەك

گىر

گىرە

گىرەچە

گىرە-گىرە

گىرەلەشتۈرمەك

گىرەلەشتۈرۈلمەك

گىرەلەشمە

گىرەلەشمەك

گىرەلىمەك

گىرت

گىرتتىدە

گىرت-گىرت

گىرتىلداتماق

گىرتىلدىماق

گىرچى

گىرخانا

گىرداب

گىردە

گىرلەتمەك

گىرلەشمەك

گىرلەنمەك

گىرلىمەك

گىروي

گىرۋەك

گىرۋەكلىك

گىرى

گىرىپ

گىرىپتار

گىرىپتارلىق

گىرىپتىشىن

گىرىپسەتىن

گىرىژ

گىرىشىم

گىرىلىك

گىرىم

گىرىمچى

گىرىمچىلىك

گىرىمخانا

گىرىمسەن

گىرىمسەنلەشمەك

گىرىملىك

گىژ

گىژ-گىژ

گىژ-گىژلاشماق

گىژىلداتماق

گىژىلداشماق

گىژىلدىماق

گىستامىن

گىستوفىزىئولوگىيە

گىستوگرامما

گىستولوگ

گىستولوگىيە

گىگروسكوپ

گىگروگراف

گىگرومېتىر

گىگرومېتىرىيە

گىگېنا

گىڭ

گىڭشىماق

گىڭ-گىڭ

گىڭىلداتماق

گىڭىلداشماق

گىڭىلدىماق

گىل

گىلاس

گىلاسلىق

گىلاڭ

گىلاماق

گىلەم

گىلەمچى

گىلەمچىلىك

گىلەملىك

گىلبېرت

گىلدىڭ

گىلدىڭ-گىلدىڭ

گىلدىڭلاتماق

گىلدىڭلاشماق

گىلدىڭلىغاق

گىلدىڭلىماق

گىلىپتو

گىلىگىتاڭ

گىمن

گىمنازىيە

گىمناستوركا

گىمناستىكا

گىمناستىكىچى

گىنە

گىنېكولوگ

گىنېكولوگىيە

گىياھ

گىياھسىز

گىيەك

ئىزاھى

گ

  • گ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئون توققۇزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئون توققۇزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «گ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «گ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «گ»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «گ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىگ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «گې ».

  • «گ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئۈستى ئوتتۇرا تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتىلىغۇچى تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

  • «گ» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • «گ» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە تەلەپپۇزدىكى ئاسانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ «ك» تاۋۇشى بىلەن باشلىندىغان قوشۇمچە قوشۇلىدۇ. قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى «ك» تاۋۇشى سۆز ئاخىرىدا كەلگەن «گ» تاۋۇشىنى تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە ئوخشىتىۋالىدۇ. نەتىجىدە، تەلەپپۇزدا «گ» تاۋۇشى «ك» گە نۆۋەتلىشىدۇ، ئەمما ئىملادا ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • تۈگ − تۈگكەن، تۈگكىلى تۈگ − تۈككەن، تۈككىلى

  • تەگ − تەگكەن، تەگكۈدەك تەگ − تەككەن، تەككىدەك

گاباردىن

  • گاباردىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] كاستۇم، پەلتو قاتارلىق كىيىملەرنى تىكىشكە باب توقۇلغان بىر خىل يۇڭ رەخت.

گابرو

  • گابرو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاساسلىق مىنېرال تەركىبى بىر ياقلىق پىروكسېن (ئاددىي پىروكسېن، سۈزۈك پىروكسېن قاتارلىقلار) بىلەن ئاساسلىق پلاگىئوكلاز بولغان بىر خىل بۆسمە جىنس.

گاجاڭ

  • گاجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ماڭقا.

گاچ

  • گاچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چىشلەش، ئۇرۇش، دەسسەش، سانجىش، توغراش، چېپىش قاتارلىقلاردىن پەيدا بولغان ئاۋاز.

گاچا

  • گاچا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەپ قىلالمايدىغان، تىلى ئاجىز:[مىسال:] گاچا بالا.  گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلەر (ماقال).

گاچچىدە

  • گاچچىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گاچ» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «گاچ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] گاچچىدە چىشلىمەك. گاچچىدە چاپماق.

گاچ-گاچ

  • گاچ-گاچ[يەشمىسى:] «گاچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گاچ-گۇچ

  • گاچ-گۇچ[يەشمىسى:] «گاچ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] غەلىتە ئىش، ئۇنىڭ سۆرۈن تەلەتىنى سۈر بېسىپ تۇرىدۇ-يۇ، كۆرۈشۈشكە قولىنى بەرگىنى نېمىسى، پەملەپ گاچ-گۇچ سالمىسۇن يەنە

گاچىلاشماق

  • گاچىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەپبەپلەپ قالماق؛ كېكەچلىمەك، تۆتۆتلىمەك:[مىسال:] ئۇ مايلاشقان قارا شاپ بۇرۇتىنى ساڭگىلىتىپ، ئۆڭۈپ، تامدەك تاتىرىپ، گاچىلىشىپ گەپ قىلالماي قالدى.

گاچىلداتماق

  • گاچىلداتماق[يەشمىسى:] «گاچىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گاچىلدىماق

  • گاچىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گاچ-گاچ» قىلماق، «گاچ-گاچ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق.

گاچىلىق

  • گاچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گاچا ھالەت، سۆزلىيەلمەسلىك.

گاداⅠ

  • گاداⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى. [يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] كەمبەغەل، نامرات، پېقىر، يوقسۇل.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە موھتاج، زار، ئىنتىزار ئادەم.

گاداⅡ

  • گاداⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئارغامچا، تانا، تاسما، شوينا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ باغلاپ ئۇلانغان ياكى تۈگۈن قىلىنغان يېرى؛ كاللەك. [يەشمىسى:] ② تۈگۈلۈپ، قېتىپ، چوقچىيىپ مونەك بولۇپ قالغان نەرسە. [يەشمىسى:] ③ ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولغان دانىخورەك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ قېتىپ قېلىشى.

گاداچە

  • گاداچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك گادا، ئۇششاق كاللەك، مونەك، كىچىك تۈگۈن.

گادالاشماق

  • گادالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گادا ھالەتكە كەلمەك، تۈگۈن پەيدا بولماق، مونەكلەشمەك:[مىسال:] ئۆرۈك نوتىلىرى بالدۇرراق ئۇلانمىسا، ئۇلاق نوتىلىرىنىڭ بىخى گادالىشىپ، ياغاچقا ئايلىنىپ، ئۇلاشقا ئەپسىز بولۇپ قالىدۇ.

گاداي

  • گاداي[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] يوقسۇل، نامرات، كەمبەغەل.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەردىن سەدىقە سوراپ، نەرسە-كېرەك تىلەپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان كىشى؛ سائىل، تىلەمچى، دىۋانە.

گادايچىلىق

  • گادايچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «گادايلىق»قا قاراڭ.

گادايلاشتۇرماق

  • گادايلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گادايلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كەنت باشلىقى بولۇپ تۇرغان ئون يىل ئىچىدە پۈتۈن كەنت گادايلاشتۇرۇۋەتتى.

گادايلاشتۇرۇشماق

  • گادايلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «گادايلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گادايلاشتۇرۇلماق

  • گادايلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «گادايلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گادايلاشماق

  • گادايلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نامراتلاشماق؛ قەلەندەرلەشمەك.

گادايلىق

  • گادايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يوقسۇزلۇق، نامراتلىق، كەمبەغەللىك. [يەشمىسى:] ② دىۋانىلىك قىلىش، سەدىقە سوراش؛ قەلەندەرلىك، تىلەمچىلىك:[مىسال:] گادايلىق قىلماق.

گادرون

  • گادرون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۈچلۈك تۈردە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشكەن بارىئون بىلەن مېزوننىڭ ئورتاق نامى.

گادولىنىي

  • گادولىنىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(Gadolinium) Gd بىر خىل سىرەك ئېلېمېنت، ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتىدە ئاتوم قازىنىنىڭ تۈزۈلۈش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

گادىرماچ

  • گادىرماچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باش-ئاخىرى يوق، باش-ئاخىرى چىقمايدىغان؛ قالايمىقان، مۇرەككەپ، چىگىش:[مىسال:] گادىرماچ ئىش. * ئۇ ئۇزۇنغىچە ئۆزىنىڭ باش-ئايىغى يوق گادىرماچ خىياللىرى ئارىسىدا سەرسان بولۇپ يۈردى.

گادىرماچلاشماق

  • گادىرماچلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گادىرماچ ھالەتكە كەلمەك، قالايمىقانلاشماق، مۇرەككەپلەشمەك، چىگىشلەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، گادىرماچلىشىپ كەتكەن خىياللىرى شاخ سانىغۇچتەك ئۇ شاختىن بۇ شاخقا قونۇپ، زادىلا بىر نۇقتىدا توختىمايتتى.

گادىرماچلىق

  • گادىرماچلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گادىرماچ ھالەت، قالايمىقانلىق:[مىسال:] موللامنىڭ شۇ قېتىمقى سۆزى مۇھەممەدنىڭ خىيالىدا خېلىلا گادىرماچلىق پەيدا قىلدى.

گار

  • گار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ۋاسكېتبول ئويناش ئۈچۈن ئوتتۇرىسىغا يۇمىلاق تۆمۈر ئورنىتىلغان بىر خىل قۇرۇلما، ياغاچ جازا.

گارا

  • گارا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاسكىنا، قاسماق، كىر.

گاراخ

  • گاراخ[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] كاللىسى راۋۇرۇس ئىشلىمەيدىغان، قاپاق:[مىسال:] دىلنار چۈشۈمگە كىرىپ قالغان كۈنلەردە قويغان-تۇتقىنىمنى بىلەلمەي گاراخ بولاتتىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە، ناھايىتى، ئىنتايىن، تازا، راسا:[مىسال:] گاراخ مەست. * ئۇ يېرىم كېچىدە ئۆيگە گاراخ مەست كىردى.

گاراژ

  • گاراژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① ئاپتوموبىل قاتارلىق ماتورلۇق قاتناش قوراللىرى تۇرىدىغان جاي. [يەشمىسى:] ② ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى.

گاراڭⅠ

  • گاراڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، قۇلىقى ئېغىر، پاڭ قۇلاق؛ گاس، ساغرۇ:[مىسال:] گاراڭ بالا. گاراڭ ھالەت.[يەشمىسى:] ② بېشى قاتقان، نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان:[مىسال:] گاراڭ بولماق. گاراڭ قىلماق. * ئۇ باشلىرى گاراڭ ھالدا ھېلىقى ئاشخانىغا باردى.

گاراڭⅡ

  • گاراڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كېكىردەكنىڭ پۈتۈپ قېلىشىغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن بۇزۇلۇپراق چىققان ئاۋاز.

گاراڭ-گاراڭ

  • گاراڭ-گاراڭ[يەشمىسى:] «گاراڭⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گاراڭ-گۇرۇڭ

  • گاراڭ-گۇرۇڭ[يەشمىسى:] «گاراڭ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[يەشمىسى:] تۇيۇقسىز چىققان بۇ گاراڭ-گۇرۇڭ ئاۋاز مېنى چۆچىتۈۋەتتى.

گاراڭڭىدە

  • گاراڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] «گاراڭ» قىلغان ھالدا، «گاراڭ» قىلىپ.

گاراڭلىق

  • گاراڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلىقى ئاڭلىماسلىق، گاسلىق:[مىسال:] ئىلىم - گۆھەر چىراغ، ئۆچمەس، قاراڭغۇ دىلغا نۇر چاچقاي، ئۇنىڭدىن كۈچ - ئوزۇق ئالساڭ، قۇتۇلغايسەن گاراڭلىقتىن.

گارت

  • گارت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى تىغ بىلەن كېسىپ پارچىلىغاندا، توغرىغاندا ھاسىل بولغان ئاۋاز.

گارتتىدە

  • گارتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گارت» قىلغان ھالدا، «گارت» قىلىپ.

گارت-گارت

  • گارت-گارت[يەشمىسى:] «گارت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] خاسىيەت بۈگۈن بالدۇر تاماققا جابدۇنۇپ، مانتىنىڭ قىيمىسى ئۈچۈن ئادالانغان پىيازنى «گارت-گارت» توغراشقا باشلىدى.

گارت-گۇرت

  • گارت-گۇرت[يەشمىسى:] «گارت» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

گارسىنىيە

  • گارسىنىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گارسىنىيە دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. غولىنىڭ ئېگىزلىكى 20 مېتىرغا يېتىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى تاق جىنسلىق، شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ. دەرەخ مېيى سېرىق، شىلىمسىمان ھەم زەھەرلىك كېلىدۇ. ئۇنى سېرىق بوياق ماتېرىيالى ياكى دورا قىلىشقا بولىدۇ.

گارشوك

  • گارشوك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① بىنالارنىڭ كارىدورلىرىغا قويۇلىدىغان تۈكۈرۈك قاچىسى:[مىسال:] گارشوكقا تۈكۈرمەك.[يەشمىسى:] ② كىچىك بالىلارنى توسىدىغان قاچا.

گارموشكا

  • گارموشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئېغىز بىلەن چېلىشقا مەخسۇس ياسالغان بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى؛ ئېغىز گارمۇنى.

گارمون

  • گارمون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىككى يېنى قاتلانغان، قول بىلەن تارتىپ، تۈگمىلىرىنى بېسىپ چالىدىغان تىللىق مۇزىكا ئەسۋابى.

گارمونچى

  • گارمونچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گارمون چالىدىغان كىشى.

گارمونىيە

  • گارمونىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بىر ۋاقىت ئىچىدە چىققان بىر قانچە مۇزىكىلىق ئاۋازنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىرلىشىشى؛ مۇزىكىدىكى ئاھاڭداشلىق، ماسلىق.

گارمونىيىشۇناس

  • گارمونىيىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گارمونىيىشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى.

گارمونىيىشۇناسلىق

  • گارمونىيىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇزىكا نەزەرىيىسىنىڭ ئاككورد، ئاككوردلۇق مۇناسىۋەت ياكى ئاككوردلارنىڭ بېجىرىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

گارمونىيىلەشتۈرمەك

  • گارمونىيىلەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «گارمونىيىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② گارمونىيىلىك تۈزۈلمە بىلەن بىرەر مېلودىيىنى كۆپ تاۋۇشلۇق قىلىپ ئىشلىمەك.

گارمونىيىلەشتۈرۈش

  • گارمونىيىلەشتۈرۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] گارمونىيىلىك تۈزۈلمە بىلەن بىرەر مېلودىيىنى كۆپ تاۋۇشلۇق قىلىپ ئىشلەش ئۇسۇلى.

گارمونىيىلەشتۈرۈشمەك

  • گارمونىيىلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «گارمونىيىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گارمونىيىلەشتۈرۈلمەك

  • گارمونىيىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «گارمونىيىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گارمونىيىلەشمەك

  • گارمونىيىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا ماس، ئاھاڭداش، مۇۋاپىق ھالەتكە كەلمەك، ئۇيغۇنلاشماق (مۇزىكا ھەققىدە):[مىسال:] گارمونىيىلەشكەن ئاھاڭ.

گاز

  • گاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گوللاندچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مۇئەييەن شەكلى بولمىغان ھەم مۇئەييەن ھەجمىمۇ بولمىغان، ئېقىپ ھەرىكەتلىنەلەيدىغان جىسىم:[مىسال:] گاز چاقماق. گاز چىراغ.

گازارما

  • گازارما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھەربىي قىسىم تۇرۇشلۇق ئورۇن؛ ھەربىي شتاب.

گازسىمان

  • گازسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گازغا ئوخشاش، گاز ھالىتىدىكى:[مىسال:] گازسىمان ماددا.

گازلاشتۇرماق

  • گازلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «گازلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گازلاشتۇرۇشماق

  • گازلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «گازلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گازلاشتۇرۇلماق

  • گازلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «گازلاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گازلاشماق

  • گازلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گاز ھالىتىگە كەلمەك، گازغا ئايلانماق.

گازلانماق

  • گازلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق گاز بىلەن تويۇنماق، سۇيۇقلۇققا گاز ئارىلاشتۇرۇلماق.

گازلىق

  • گازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچىدە گازى بار، گازلانغان، گاز تولدۇرۇلغان ياكى گاز بىلەن تويۇندۇرۇلغان:[مىسال:] گازلىق سۇ. گازلىق ئەسۋاب.

گازۋان

  • گازۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەڭلىكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا بولىدۇ. مەنپىيلىكنى ئاسراش، يۆتەل توختىتىش رولىغا ئىگە.

گازۋاي

  • گازۋاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گاز ئىشلىتىدىغان، گازلىق:[مىسال:] گازۋاي چىراغ. گازۋاي لامپا.

گازىر

  • گازىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى. سوقىچاق، ئۇچى ئۇچلۇق كېلىدۇ. قورۇپ چېقىشقا ياكى ماي تارتىشقا بولىدۇ.

گازىر-پۇرچاق

  • گازىر-پۇرچاق[يەشمىسى:] گازىر، پۇرچاق ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەر.

گازىرچى

  • گازىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گازىر ساتىدىغان كىشى.

گازىن

  • گازىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كەپتەر، توخۇ قاتارلىق جانىۋارلارنىڭ گېلىدىكى دانلىقى؛ يەملىك، بوغۇزلۇق.

گاژ

  • گاژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] رادىئو، ئۈنئالغۇ، تېلېۋىزور قاتارلىقلارنىڭ توك يوللىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە چىقىدىغان بىر خىل غەيرىي نورمال ئاۋاز.

گاژژىدە

  • گاژژىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گاژ» قىلغان ھالدا، «گاژ» قىلىپ:[مىسال:] نېمە بولدى دولقۇننى يۆتكىسەم گاژژىدە قىلىپ قالدىغۇ تاڭ. نېمە بولغىنىنى بىلەلمىدىم.

گاژ-گاژ

  • گاژ-گاژ[يەشمىسى:] «گاژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ رادىئوسى كونىراپ قالغاچقىمۇ، دولقۇن تەڭشەلمەي «گاژ-گاژ» قىلىدىغان بولىۋالدى.

گاژ-گۇژ

  • گاژ-گۇژ[يەشمىسى:] «گاژ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] گاژ-گۇژ قىلماق.

گاژىلداتماق

  • گاژىلداتماق[يەشمىسى:] «گاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گاژىلداشماق

  • گاژىلداشماق[يەشمىسى:] «گاژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گاژىلدىماق

  • گاژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گاژ-گاژ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «گاژ-گاژ» قىلماق:[مىسال:] ئەپەندىلەر، قۇلىقىم گاژىلداپ قالدى.

گاسⅠ

  • گاسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، ساغرۇ؛ پاڭ:[مىسال:] گاس ئادەم. قۇلىقى گاس.

گاسⅡ

  • گاسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① مەشنىڭ شالا ئۈستىدىكى يان تەرەپلىرىگە سېلىنغان لاي. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يارامسىز، سۈپەتسىز، قوپال.

گاستاڭ

  • گاستاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاپتاپپەرەسنىڭ گەردىشى (بېشى).

گاسترودىيە

  • گاسترودىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈلكىمايىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈگۈنەك غولى دورا قىلىنىدۇ. باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالاش رولى بار.

گاس-گاچا

  • گاس-گاچا[يەشمىسى:] گاس ۋە گاچا:[مىسال:] گاس-گاچىلار مەكتىپى. گاس-گاچىلار يېزىقى.

گاسلىق

  • گاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلىقى ئاڭلىماسلىق، ساغرۇلۇق، پاڭلىق ھالىتى.

گاشات

  • گاشات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ياكى ئىشنىڭ ئاقىۋىتى، نەتىجىسى ھەققىدە قىلىنغان غەم؛ تەشۋىش، ئەندىشە، ئەنسىرەش.

گافنىي

  • گافنىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(hafnium)Hf سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى، X نۇرى تروپكىسىنىڭ مەنپىي قۇتۇپى قىلىنىدۇ. گافنىي بىلەن ۋولفرام ياكى مولبىدىننىڭ قېتىشمىسى يۇقىرى بېسىملىق زەرەت قويۇپ بېرىش تروپكىسىنىڭ ئېلېكترونى قىلىنىدۇ.

گاڭⅠ

  • گاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «پولات»قا قاراڭ:[مىسال:] گاڭ قەلەم. * ئۇنىڭ كىيىمى گاڭ، چويۇندىن ئىدى.∥ گاڭ بىسلىق خەنجەر.

گاڭⅡ

  • گاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] پەقەت بىرلا خىل نەرسىدىن تەركىب تاپقان، باشقا بىر تەركىب ئارىلاشمىغان؛ ساپ، خەس، يالغۇز:[مىسال:] گاڭ ئاق ئۇن ئالماق.

گاڭبەن

  • گاڭبەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئاپتوموبىل، پاراۋۇز، تراكتور قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنىڭ ئوقى بىلەن جازا ئارىلىقىغا ئورنىتىلغان، ئېغىرلىق بېسىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ بېرىش رولىنى ئۆتەيدىغان ئېلاستىكىلىق قۇرۇلما؛ رېسسور. [يەشمىسى:] ② پولات تاختا.

گاڭبى

  • گاڭبى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئۇچى گاڭدىن ياسالغان، سىياھ ئىچۈرۈپ ئىشلىتىلىدىغان قەلەم؛ پولات قەلەم.

گاڭپەن

  • گاڭپەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] گۈرۈچنى دۈملەپ پىشۇرۇپ، ھەر خىل قورۇمىلار بىلەن يېيىلىدىغان بىر خىل تاماق.

گاڭزا

  • گاڭزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] قەدىمدە ئىشلىتىلگەن بىر خىل جازا قورالى يەنى كالتەك.

گاڭسا-جىسا

  • گاڭسا-جىسا[يەشمىسى:] ھېچ نەرسىسى قالمىغان، پۈتۈن بىساتىدىن ئايرىلغان، ھېچنېمىسى يوق، قۇرۇق قول:[مىسال:] ۋاھاپ بۇلتۇر يەنخۇدا ئالتە ئاي ئىشلىدى، لېكىن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەي، گاڭسا-جىسا قايتىپ كەلدى.

گاڭ-گالاس

  • گاڭ-گالاس [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، گاراڭ، گاراخ.

گاڭگۇڭ

  • گاڭگۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] باشقىلارنى بوزەك قىلمايدىغان، باشقىلارغا بوزەك بولمايدىغان، ھەققانىي ئىش قىلىدىغان؛ نوچى، باتۇر:[مىسال:] گاڭگۇڭ ئادەم. گاڭگۇڭ يىگىت.

گاڭگۇڭلۇق

  • گاڭگۇڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نوچىلىق، باتۇرلۇق:[مىسال:] گاڭگۇڭلۇق قىلماق.

گاڭگىراتماق

  • گاڭگىراتماق[يەشمىسى:] «گاڭگىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئويلىمىغان يەردىن بېرىلگەن بۇ سوئال مېنى گاڭگىرىتىۋەتتى.

گاڭگىراشماق

  • گاڭگىراشماق[يەشمىسى:] «گاڭگىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مىلتىقلىرىنى قۇچاقلاپ مۈگدەپ ياتقان دۈشمەن ئەسكەرلىرى كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىشىپ، بىر پەس گاڭگىراشتى.

گاڭگىرىماق

  • گاڭگىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نېمە قىلارىنى بىلمەي قالماق، ئېسەنگىرىمەك، ساراسىمىگە چۈشمەك، ئالاقزادە بولماق؛ ھودۇقماق، تەمتىرىمەك:[مىسال:] ھەنىپەم ئاپىسىدىن سورىغان مەسلىھەتىگە مۇشۇ جاۋابنى ئېلىپ، بېشىدا چاقماق چېقىلغاندەك گاڭگىرىدى.

گالⅠ

  • گالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېكىردەك، كاناي، بوغۇز.

گېلى پوق

  • گېلى پوق[يەشمىسى:] ئارىلىق يەپ، پارا ئېلىپ ئۆزىنى بۇلغاپ قويغان:[مىسال:] گېلى پوقنىڭ ئىشى پوق (ماقال).

گېلى قىچىشماق

  • گېلى قىچىشماق[يەشمىسى:] ① گەپ قىلغۇسى كېلىپ كەتمەك؛ ئاغزى قىچىشماق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھاراق ئىچكۈسى ياكى تاماكا چەككۈسى كەلمەك؛ خۇمارى تۇتماق، خۇمارى كەلمەك.

گېلىنى قىسماق

  • گېلىنى قىسماق[يەشمىسى:] ئىشلەتمەي، سەرپ قىلماي يىغماق؛ يېمەي-ئىچمەي ئايىماق.

گالⅡ

  • گالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆتكۈر بولمىغان، كەسمەيدىغان؛ ئۆتمەس، قاشاڭ:[مىسال:] گال پىچاق. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر ئىشنى تازا دېگەندەك ئەپلەشتۈرەلمەيدىغان ياكى ھەرىكىتى چاققان ئەمەس؛ ھەرىكىتى ئاستا، سۇس؛ قاشاڭ:[مىسال:] گال ئادەم. قولى گال. * قولى گۈل ئېتىدۇ غىزا، قولى گال تارتىدۇ ئىزا (ماقال).

گالاچ

  • گالاچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ يۈزىگە مۇشت بىلەن قاتتىق ئۇرغاندا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇنىڭ خامىرىغا «گالاچ» قىلىپ بىرنى سالدىم.

گالاچچىدە

  • گالاچچىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گالاچ» قىلغان ھالدا، «گالاچ» قىلىپ:[مىسال:] گالاچچىدە سالماق.

گالاچ-گالاچ

  • گالاچ-گالاچ[يەشمىسى:] «گالاچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇلار بىردەمدىلا گالاچ-گالاچ مۇشتلىشىپ كەتتى.

گالاچ-گۇلۇچ

  • گالاچ-گۇلۇچ[يەشمىسى:] «گالاچ» قىلغان ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.

گالاچلاتماق

  • گالاچلاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گالاچ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئۇچقۇچىلار يانلىرىدىن تاپانچىلىرىنى چىقىرىشىپ ئېتىشقا ئۈلگۈرمەيلا، گالاچلىتىپ ئۇرۇلۇۋاتقان تاياق ئاستىدا قالدى.

گالاكتىكا

  • گالاكتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئالەم بوشلۇقىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ زور بىر سىستېمىسى. 100 مىلياردتىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك تۇرغۇن يۇلتۇز، سان-ساناقسىز يۇلتۇز تۇمانلىرى ۋە يۇلتۇز توپلىرىدىن تەشكىللەنگەن.

گالدۇڭ

  • گالدۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولامچاق تۆمۈر ئوقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇچىغا ئورنىتىلغان ئىككى دانە چوڭ غالتەك. چوڭى چارداننى، كىچىكى دالۋاينى تاناب ئارقىلىق ئايلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

گالدى-گۇلدۇڭ

  • گالدى-گۇلدۇڭ[يەشمىسى:] ① دېگەندەك بېجىرىم ئەمەس، نېرۋىسى سەل ئاجىز:[مىسال:] ئۇ چىرايى بىلەن بىرەر يىگىتنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىغۇدەك، لېكىن گالدى-گۇلدۇڭراق قىز ئىدى.[يەشمىسى:] ② بىر ئۇ يانغا-بىر بۇيانغا غالداڭلاپ، ئىرغاڭلاپ:[مىسال:] گالدى-گۇلدۇڭ ماڭماق.

گالزاڭ

  • گالزاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سەزگۈ قابىلىيىتى ئاجىز، ئەقىلسىز؛ دۆت، كومشا:[مىسال:] گالزاڭ ئادەم. گالزاڭ بالا.

گالزاڭلىق

  • گالزاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىلسىزلىق؛ دۆتلۈك، كومشالىق:[مىسال:] گالزاڭلىق قىلماق.

گالستۇك

  • گالستۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] كۆڭلەكنىڭ ياقىسى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنى چىگىپ ياكى تۈگۈن قىلىپ بويۇنغا تاقاش ئۈچۈن رەختتىن ئىشلەنگەن بۇيۇم.

گالستۇكلۇق

  • گالستۇكلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① گالستۇكى بار، گالستۇك تاقىغان:[مىسال:] شەھەرلىك 7-باشلانغۇچ مەكتەپ پىئونېرلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى چوڭ كوچىلارنى «قىزىل گالستۇكلۇقلار تازىلىق كوچىسى»غا ئايلاندۇردى.[يەشمىسى:] ② گالستۇك قىلىشقا لايىق، باب:[مىسال:] گالستۇكلۇق تاۋار. گالستۈكلۇق رەخت.

گاللاشتۇرماق

  • گاللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «گاللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گاللاشماق

  • گاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆتكۈرلۈكىنى يوقاتماق، گال، ئۆتمەس بولۇپ قالماق؛ قاشاڭلاشماق:[مىسال:] پېقىرنىڭ قاشاڭ پىچاقتەك گاللىشىپ كەتكەن پىكرى ئىككى مۆتىۋەر ئارىسىدا قېرىنداشلىق مىزانىغا خىلاپ ئۇقۇشۇلماسلىقنىڭ بارلىقىنى تۇيۇۋاتىدۇ.

گاللون

  • گاللون[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ سىغىم ئۆلچەم بىرلىكى. ئەنگلىيە ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى بىر گاللون 546.4 لىتىرغا، ئامېرىكىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى بىر گاللون 785.3 لىتىرغا باراۋەر كېلىدۇ.

گاللىي

  • گاللىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(gallium)Ga كۈمۈشتەك ئاپئاق كرىستال. يۇمشاق. قېتىشما ھەم يۇقىرى تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەيدىغان تېرمومېتىر ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. گاللىي ئارسېنىد مۇھىم يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

گالوگېنلار

  • گالوگېنلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] فتور، خلور، بروم، يود ۋە ئاستاتىن قاتارلىق بەش خىل ئېلېمېنت خىمىيىۋى خۇسۇسىيەت جەھەتتە بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار بىر گۇرۇپپىنى تەشكىل قىلىپ، گالوگېنلار دېيىلىدۇ. گالوگېنلار بىۋاسىتە مېتاللار بىلەن بىرىكىپ تۇز ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلار ئەڭ كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى ۋە خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولۇپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ دورا، بوياق، سىنتېتىك كاۋچۇك قاتارلىقلار ياسىلىدۇ. ئۇلار يەنە گالوگېنلار گۇرۇپپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

گالوگېنلىق

  • گالوگېنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە گالوگېنلار بولغان، گالوگېنغا ئىگە:[مىسال:] گالوگېنلىق چۆكۈندە.

گالوگېنىدلار

  • گالوگېنىدلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گالوگېنىدلار (خلور، بروم، يود ۋە فتور)نىڭ ئېلېكتر مەنپىيلىكى كۈچلۈك ئېلېمېنتلار ۋە رادىكاللار بىلەن ھاسىل قىلغان ئاددىي بىرىكمىلىرى.

گالۋاڭ

  • گالۋاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەقلى تازا ئىشلىمەيدىغان، زېھنىي قابىلىيىتى ئاجىز، ئەقىلسىز، دۆت، كومشا:[مىسال:] گالۋاڭ ئادەم. گالۋاڭ خوتۇن. ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلگۈسى كېلەر (ماقال).

گالۋاڭلاشتۇرماق

  • گالۋاڭلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «گالۋاڭلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گالۋاڭلاشتۇرۇلماق

  • گالۋاڭلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «گالۋاڭلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گالۋاڭلاشماق

  • گالۋاڭلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گالۋاڭ ھالەتكە كەلمەك؛ دۆتلەشمەك، كالۋالاشماق:[مىسال:] نېمە بولدۇڭ نېمانچە گالۋاڭلىشىپ كەتتىڭ، شۇنچىلىك نەرسىنى بىلەلمەي تىرمىقىڭنى تاتىلاپ تۇرىسەنغۇ دېدى ئاكام ماڭا ئاچچىقلاپ.

گالۋاڭلىق

  • گالۋاڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقلى تازا ئىشلىمەسلىك؛ دۆتلۈك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەپتىدىن گالۋاڭلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

گالۋانومېتىر

  • گالۋانومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كۈچسىز توكلارنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب.

گامماⅠ

  • گامماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] بەلگىلىك كۈي شەكلىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئاۋاز يۇقىرىلىقى تەرتىپى بويىچە يۇقىرىغا ياكى تۆۋەنگە قاراپ تىزىلغان بىر گۇرۇپپا ئاۋازلار.

گامماⅡ

  • گامماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] رادىي (Ra) ۋە باشقا بىر قىسىم رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتومى چىقارغان نۇر. يەنى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. تېشىپ ئۆتۈش كۈچى X نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ، نەچچە ئون سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى پولات تاختىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. سانائەتتە مېتاللارنىڭ دەز جايىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، تېبابەتچىلىكتە دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئۆسمىنى داۋالاشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

گامېتا

  • گامېتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار جىنسىي كۆپىيىش مەزگىلىدە ھاسىل قىلىدىغان جىنسىي ھۈجەيرە. چىشى ۋە ئەركەك ئىككى خىل گامېتا قوشۇلغاندىن كېيىن، زىگوتا شەكىللىنىدۇ.

گامېتىلىق

  • گامېتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گامېتىسى بولغان، گامېتىغا ئىگە.

گانتېل

  • گانتېل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكىتى ۋە گىمناستىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ياردەمچى مەشىق سايمانلىرىنىڭ بىرى. شەكلى ئىككى خىل: بىر خىلى، مۇقىم گانتېل. بۇ ياغاچ ۋە تۆمۈردىن تۇتقۇچنىڭ ئىككى تەرىپىگە ساقىسىمان چويۇن ياكى تۆمۈر ئورنىتىلىپ ياسالغان. يەنە بىر خىلى، تەڭشىگۈچلۈك گانتېل. بۇ تۇتقۇچنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئاجرىتىشقا بولىدىغان، ئېغىرلىقى ئوخشاشمايدىغان تۆمۈر تەخسە ئۆتكۈزۈلۈپ ياسالغان.

گاندون

  • گاندون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا زەكەرگە كىيدۈرۈلىدىغان رېزىنكە قاپ.

گانگرېنا

  • گانگرېنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] توقۇلمىلارنىڭ چىرىپ ئۆلۈشىنىڭ بىر خىلى. ئادەتتە چوڭ بىر پارچە توقۇلمىنىڭ قان (ئوزۇقلۇق) بىلەن تەمىنلىنىشى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئاندىن باكتېرىيە كىرىپ چىرتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

گاھ

  • گاھ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] جۈملە بۆلەكلىرىنى ياكى ئىككى ئاددىي جۈملىنى باغلاش ۋەزىپىسىدە كېلىپ، «بەزەن، بەزى، بەزىدە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] گاھ ئۇنداق، گاھ مۇنداق. * ئەلانۇر گاھ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ لېۋىنى چىشلەيتتى، گاھ ئاغزىنى ئۆمەللەپ نېمىنىدۇر دېيىشكە تەمشىلەتتى-يۇ، جۈرئەت قىلالمايتتى.[يەشمىسى:] ② ئىم.[يەشمىسى:] ئوۋچىلار ئوۋ ئوۋلىغاندا، قۇشلارنى ئۇچۇشقا، ئاڭنى تۇتۇشقا ئۈندەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

گاھ-گاھ

  • گاھ-گاھ[يەشمىسى:] بەزەن-بەزەن، بەزى-بەزى، ئارىلاپ-ئارىلاپ:[مىسال:] ئۈستى-ئۈستىگە مىنگىشىپ كېتىۋاتقان دولقۇنلار ئارىسىدا گاھ-گاھ يىلتىزى بىلەن قومۇرۇلۇپ تاشلانغان دەل-دەرەخلەر، تۈرمەللەر، ياغاچ-تاشلار غىل-پال كۆرۈنۈپمۇ قالاتتى.

گاھى

  • گاھى[يەشمىسى:] «گاھ»غا قاراڭ:[مىسال:] گاھى خۇدا بىلەن رۇسۇل، گاھى دۇتار بىلەن ئۇسسۇل (ماقال).

گاھىبىر

  • گاھىبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]گاھى+بىر[[يەشمىسى:] ئايرىم بىر، مەلۇم بىر؛ بەزىبىر:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلارنىڭ گاھىبىرلىرى گۈللۈك ۋە چىمەنلىكلەر ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، يادلاشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى يادلايتتى، گاھىبىرلىرى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيتتى.

گاھىدا

  • گاھىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئايرىم چاغدا، ئايرىم ۋاقىتتا؛ بەزىدە:[مىسال:] تۇرسۇن ئاتا گاھىدا كۆمۈرلۈككە كەتكەن ئىسلامنى، گاھىدا كامالنى ئويلايتتى.

گاھى-گاھى

  • گاھى-گاھى[يەشمىسى:] ئاندا-ساندا، ئارىلاپ-ئارىلاپ، ناگان-ناگاندا، بىرە-بىرە:[مىسال:] تۇمۇچۇق گاھى-گاھى پادىشاھنىڭ ئىشلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، باشقا ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ قېلىپتۇ.

گائۇس

  • گائۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ماگنىت سىستېمىسى بىرلىك تۈزۈمىدىكى ماگنىت ئىندۇكسىيىسى كۈچىنىشىنىڭ بىرلىكى.

گاۋشەن

  • گاۋشەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە تەۋە كىشى. ئۇلار ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان.

گاۋشەنچە

  • گاۋشەنچە[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گاۋشەن خەلقىگە، ئۇنىڭ يېزىقى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] گاۋشەنچە ئۇسسۇل. گاۋشەنچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] گاۋشەن تىلى:[مىسال:] گاۋشەنچىنى بىلەمسىز

گايكا

  • گايكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ۋېنتىغا بۇراپ كىرگۈزۈلىدىغان بۇرمىلىق دېتال.

گەپ

  • گەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئېغىز ئارقىلىق ئىزھار قىلىنغان پىكىر؛ نۇتۇق:[مىسال:] ياخشى گەپ تاشنى يارار، يامان گەپ باشنى يارار (ماقال). * گەپنى قىل سىغار يەرگە، سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاساسىي مەقسەت، ئىش، مەسىلە:[مىسال:] ئەمدىكى مۇھىم گەپ، تېخىچىلا ئۆزىنى ئوڭشىيالمايۋاتقان تەلئەتكە ياردەم بېرىش ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [مىسال:] پىتنە-ئىغۋا، ئويدۇرما:[مىسال:] گەپ تاراتماق.[يەشمىسى:] ④ ئەھدە، ۋەدە، لەۋز:[مىسال:] گېپىدە تۇرماق.

گەپ ئانىسى

  • گەپ ئانىسى[يەشمىسى:] ① پاراڭلارنى، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا ئامراق كىشى؛ گەپ ئوغرىسى. [يەشمىسى:] ② گەپكە ئۇستا، گەپدان، گەپچى.

گەپ ئەۋەتمەك

  • گەپ ئەۋەتمەك[يەشمىسى:] ئۆز گېپىنى باشقا بىركىم ئارقىلىق يىراقتىكى كىشىسىگە يەتكۈزمەك، بىركىمگە گەپ ئېيتىپ بەرمەك، خەۋەر يوللىماق.

گەپتە چېقىۋالماق

  • گەپتە چېقىۋالماق[يەشمىسى:] گەپ بىلەن باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتمەك، خاپا قىلماق، گەپتە ئۇرۇۋالماق.

گەپ تەرگەشمەك

  • گەپ تەرگەشمەك[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بىراۋ بىلەن گەپ تالىشىپ قالماق، بىر-بىرى بىلەن دېيىشىپ قالماق؛ تاكاللاشماق.

گەپ توشۇماق

  • گەپ توشۇماق[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ سۆزىنى باشقىلارغا يەتكۈزمەك، سۇخەنچىلىك قىلماق.

گەپ توقۇماق

  • گەپ توقۇماق[يەشمىسى:] يالغان گەپ ئويدۇرۇپ چىقارماق، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماق.

گەپ سىغمايدۇ

  • گەپ سىغمايدۇ[يەشمىسى:] گۇمانلىنىشنىڭ، شەك كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چوقۇم، مۇقەررەر:[مىسال:] مىللىي خۇسۇسىيەتنىڭ كارامەت بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە گەپ سىغمايدۇ. * بىز چوقۇم دۈشمەننى يېڭىمىز، بۇنىڭغا گەپ سىغمايدۇ.

گەپكە قويماق

  • گەپكە قويماق[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ تاپا-تەنىسىگە ئۇچراتماق:[مىسال:] مېنى گەپكە قويماڭلار، سادىقنى مەن ئەكېتەي، دېدى ئۇ ئالاقىچى رەيھانغا.

گەپچى

  • گەپچى[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈلكىلىك، قىزىقارلىق گەپ قىلىدىغان، نۇتۇق قابىلىيىتى يۇقىرى، گەپكە ئۇستا سۆزمەن:[مىسال:] قاسىمئاخۇن تەرەپ-تەرەپكە ئادەم چىقىرىپ، گەپچى، ھېكايىچى دېگەنلەرنى يىغىپ كەپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق ئادەم:[مىسال:] بۈگۈن ھەممە گەپچىلەر يىغىلغان ئىكەن-دە.

گەپچىلىك

  • گەپچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىزىقارلىق، جەلپ قىلارلىق گەپ قىلىش ماھارىتى، سۆزمەنلىك:[مىسال:] بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاغىنىسى ئۇلارغا گەپچىلىك قىلدى.

گەپخانا

  • گەپخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەر يىغىلىپ پاراڭ سېلىشىدىغان ئورۇن، ئۆي.

گەپخۇمار

  • گەپخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]گەپ+خۇمار[[يەشمىسى:] گەپلىشىشنى، مۇڭدىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، گەپكە ئامراق، سۆزخۇمار:[مىسال:] ئابابەكرى گەپخۇمار ئادەم ئىدى.

گەپدان

  • گەپدان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەپكە ئۇستا، سۆزمەن، ناتىق:[مىسال:] گەپدان بالا. گەپدان قىز. * گەپدان بولغۇچە، ئىشچان بول (ماقال).

گەپدانلاشماق

  • گەپدانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپكە ئۇستا بولماق، گەپچىلىكى ئاشماق:[مىسال:] سەل ئۆتكەندىن كېيىن گەپدانلىشىپ، ھەدەپ ئۆز گېپىمىزنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش كويىدا كۈچىگىلى تۇردۇق.

گەپدانلىق

  • گەپدانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەپكە ئۇستىلىق، سۆزمەنلىك، ناتىقلىق:[مىسال:] گەپدانلىق قىلماق.  گەپدانلىقنىڭ ئوتتۇز پۇتىقى بار (ماقال).

گەپساتتى

  • گەپساتتى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.]گەپ+ساتتى[[يەشمىسى:] قۇرۇق گەپنى تولا قىلىدىغان، كاس-كاس:[مىسال:] گەپساتتى ئادەم.

گەپ-سۆز

  • گەپ-سۆز[يەشمىسى:] گەپ ھەم سۆز، ئومۇمەن ھەرخىل گەپ:[مىسال:] قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ، بولۇۋاتقان گەپ-سۆزلەرگە دىققىتىنى بۆلۈۋاتقان سىيىت ھاجى لىككىدە ئورنىدىن تۇردى.

گەپ-سۆزسىز

  • گەپ-سۆزسىز[يەشمىسى:] لام-جىم دېمەي، گەپ-سۆز قىلماي، ئۈن-تىنسىز، جىمجىت:[مىسال:] مەن ئەمدى گەپ-سۆزسىز تىرناق تاتىلاپ تۇرۇپ قالدىم.

گەپلەشتۈرمەك

  • گەپلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «گەپلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئەكبەر ئۇنى كۈنىگە بىر-ئىككى قېتىم ھاممىسى ياتقان بۆلۈمنىڭ ئىشىكىگە ئېلىپ باراتتى، يۈز كۆرۈشتۈرۈپ گەپلەشتۈرەتتى.

گەپلەشمەك

  • گەپلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەپ قىلىشماق، سۆزلەشمەك:[مىسال:] بىز ئۇزاق گەپلەشتۇق.

گەج

  • گەج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئانئورگانىك بىرىكمە. ئۇنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى CaSO4·2H2O. سۈزۈك كرىستال بولۇپ، ئاق، ئاچ سېرىق، شاپتۇل چېچىكى رەڭ ياكى كۈل رەڭ كېلىدۇ. كۆپ قىسمى تەبىئىي چىقىدۇ. ئادەتتە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى، ھەيكەلتاراشلىق، نەققاشلىق ساھەلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېڭىقچىلىقتا سۇنغان ياكى چىقىپ كەتكەن ئۇستىخانلارنى گىپىسلاش ماتېرىيالى، تېبابەتچىلىكتە قىزىتمىنى قايتۇرۇش دورىسى قىلىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا شور تۇپراقنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

گەجسىمان

  • گەجسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەجگە ئوخشايدىغان، گەجدەك:[مىسال:] گەجسىمان ماددا.

گەجگە

  • گەجگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] گەدەننىڭ ئاستى، دۈمبىنىڭ يۇقىرى قىسمى؛ غول:[مىسال:] گەجگە سۆڭىكى. گەجگىسىنى تاتىلىماق. گەجگىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن.

گەجگىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن

  • گەجگىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن[يەشمىسى:] ئېغىرچىلىق تارتمىغان، پىشمىغان:[مىسال:] گەجگىسى ئاپتاپ كۆرمىگەن بۇ بالا بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدۇ.

گەجگىلىمەك

  • گەجگىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاختارمىغا بىرىنچى قېتىم قويۇلغان سۇدىن كېيىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە سۇ قويۇلماق، قايتىلىماق.

گەجلەتمەك

  • گەجلەتمەك[يەشمىسى:] «گەجلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆتكەن ھەپتە ئۆينى گەجلەتتىم

گەجلەشمەك

  • گەجلەشمەك[يەشمىسى:] «گەجلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گەجلەنمەك

  • گەجلەنمەك[يەشمىسى:] «گەجلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گەجلىمەك

  • گەجلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەج بەرمەك؛ گەج بىلەن سۇۋىماق.

گەدەن

  • گەدەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بويۇننىڭ ئارقا تەرىپى؛ شىللە:[مىسال:] گەدەنگە ئالماق. گەدەنگە مىنمەك.

گەدەنباغ

  • گەدەنباغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گەدەن+باغ[[يەشمىسى:] كارۋاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۆگىسىنىڭ ئالدىدىكى تۆگىنىڭ كۆكسىگە ئاسىدىغان ئارا قوڭغۇراق.

گەدەنكەش

  • گەدەنكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باش ئەگمەيدىغان، بويسۇنمايدىغان، ئىتائەت قىلمايدىغان؛ بوينى قاتتىق، جاھىل:[مىسال:] ئادەتتە ئۆزىدىن دەرىجىسى يۇقىرىلاردىن ئىجازەت ئېلىپ ھەرىكەتلىنىش ھەربىيلەرنىڭ ئۇستاپتا (قوللانمىدا) بەلگىلەنگەن ئىنتىزام قائىدىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ گەدەنكەش كاپىتان ئۇنداق قىلىشنى خالىمايتتى.

گەدەنكەشلىك

  • گەدەنكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باش ئەگمەيدىغان، بويسۇنمايدىغان، ئىتائەت قىلمايدىغان مىجەز، بوينى قاتتىقلىق، جاھىللىق:[مىسال:] ھەممە ئادەم خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز دېسە، يولۋاس دېگىنى بىرئاز گەدەنكەشلىك قىلىدىكەن.

گەر

  • گەر[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئەگەر:[مىسال:] ياشىماق بولساڭ گەر مەڭگۈگە ھايات، قىلغىن سەن ئەل ئۈچۈن راسا ئىجتىھات.[يەشمىسى:] ② گەرچە:[مىسال:] ھوقۇقنى ئۇلارغا گەر بەرسىمۇ ئەل، قىلىشىپ ئۆزىنىڭ توققۇزىنى تەل، باقمىدى ئەلنىڭ ھېچ دەرد-ئەھۋالىغا، قېلىشنى ئويلىماي خەلق ئۇۋالىغا.

گەرەتكە

  • گەرەتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] مەلۇم دائىرىلىك سىزىق ئوتتۇرىسىغا تىكلەپ قويۇلغان قىسقا كەسلەنگەن كالتەكچىنى يىراقتا تۇرۇپ 50 60 سانتىمېتىر توقماق بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىش ئويۇنى.

گەرچە

  • گەرچە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] تەڭداش جۈملىلەرنى قارىمۇ قارشى مۇناسىۋەتتە باغلاپ، ئالدىنقى جۈملىدىكى ئۇقۇمغا نىسبەتەن كېيىنكى جۈملىدىكى ئۇقۇمدا بولىدىغان بۇرۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ گەرچە دېرىزە تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئامىنەنىڭ گۈل قويغانلىقىنى تۇيماي قالغانىدى.

گەردۇن

  • گەردۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئاسمان، پەلەك:[مىسال:] دېمەككى، چۆرگىلەپ بۇ چەرخى گەردۇن، بەگ ھاجىنى بۈگۈن كۆپ قىلدى مەمنۇن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشلىرى؛ تەقدىر، قىسمەت؛ پېشانە؛ كۆرگۈلۈك.

گەردى

  • گەردى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پەرزىن»گە قاراڭ.

گەردىش

  • گەردىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① چەمبەر، چەمبىرەك:[مىسال:] داپچىنىڭ دېپى سۇنسا، گەردىشى مايمۇنغا ئويۇنچۇق بوپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئايلانما شەكلىدىكى نەرسە، دائىرە:[مىسال:] كائىنات مەشئىلى كىردى غىلاپ ئىچىگە، ئاسمان گەردىشىگە ھەم تارتىلدى پەردە.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتقان، قېتىپ كەتكەن نەرسە:[مىسال:] مېنىڭ ھارۋا ھەيدەپ گەردىش بولۇپ كەتكەن قوللىرىم مايلانغان تاسما ياندۇرۇق بىلەن ئاتنى باشقۇرۇپ، ھارۋىنى جالاق-جۇلۇقسىز ئېلىپ ماڭماقتا.

گەردىشسىمان

  • گەردىشسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەردىشىكە ئوخشايدىغان، گەردىش شەكىللىك:[مىسال:] گەردىشسىمان شولا.

گەردىشلىك

  • گەردىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەردىشى بار، گەردىش ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ كۈمۈش گەردىشلىك كۆزەينىكىنى ئېلىپ، ئۇ ياق-بۇ ياققا ئايلاندۇردى.

گەردىن

  • گەردىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دائىرە، دائىرە شەكلىدىكى، ئايلانما:[مىسال:] گەردىن چىنە.

گەرنىز

  • گەرنىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① بىنا دىۋارىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا ياكى ئىشىك، دەرۋازا ئۈستىگە گورىزونتال ھالەتتە چىقىرىلغان گىرۋەك قىسمى؛ پەۋاز. [يەشمىسى:] ② ئىشىك، دېرىزىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىگە پەردە ئېسىش ئۈچۈن ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان مەخسۇس جاھاز:[مىسال:] گەرنىز ياساتماق.

گەرىس

  • گەرىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يۇڭدىن ئىنچىكە قىلىپ ئېگىرىلگەن يىپ:[مىسال:] گەرىس ياغلىق.

گەزⅠ

  • گەزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مېتىر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن، تەخمىنەن 71 سانتىمېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. [يەشمىسى:] ② شۇ ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى:[مىسال:] ياغاچ گەز. پولات گەز.

گەزⅡ

  • گەزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۈتكە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ قازان تېگىگە يېپىشىپ قالغان قالدۇقى، قىرماق. [يەشمىسى:] ② ئىسسىق تۇتۇپ قېلىشقا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئادەمنىڭ لېۋىدە پەيدا بولغان قاسىراقسىمان بىر خىل قېتىشما:[مىسال:] گەز باغلىماق. * ئانا ئۇنىڭ كالپۇكلىرىنىڭ گەز باغلاپ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

گەزلەتمەك

  • گەزلەتمەك[يەشمىسى:] «گەزلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گەزلەشمەك

  • گەزلەشمەك[يەشمىسى:] «گەزلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ھەدەپ ماتا گەزلىشىۋاتاتتى.

گەزلەنمەك

  • گەزلەنمەك[يەشمىسى:] «گەزلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار گەزلىنىپ بولغان ماتالارنى تاي-تاي قىلىپ باسماقتا ئىدى.

گەزلىك

  • گەزلىك[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گەز ئۇزۇنلۇقىدىكى؛ گەز كېلىدىغان:[مىسال:] گۈلشەن قايسى كۈنى كارىۋىتىغا تۆت گەزلىك ياكى ئۈچ گەزلىك بولسىمۇ بىر گىلەمنىڭ گېپىنى قىلىۋىدى، دېدى ئەركىن ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] كەلپىن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

گەزلىمە

  • گەزلىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا، كەندىر، يۇڭ، يىپەك قاتارلىقلاردىن توقۇلغان رەخت، گەزمال.

گەزلىمەك

  • گەزلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گەز بىلەن ئۆلچىمەك:[مىسال:] يېقىندا نىلقىدا گومىنداڭنىڭ گەزلەپ ئات ئېلىش سېلىقىغا قارشى بىر دولقۇن قوزغالدى.

گەزمال

  • گەزمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گەز+مال[[يەشمىسى:] گەزلىمە.

گەزمالچى

  • گەزمالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەزمال سودىگىرى.

گەزمالچىلىق

  • گەزمالچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گەزمال بىلەن سودا-سېتىق قىلىش ئىشى، كەسپى؛ سودىگەرچىلىك:[مىسال:] گەزمالچىلىق قىلماق.

گەزنە

  • گەزنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تونۇرغا ئاق نان، كاكچا قاتارلىقلارنى ياققاندا ناننىڭ شەكلىنى بۇزماي تونۇرغا چاپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ياپىلاق ياسالغان بۇيۇم.

گەكسى

  • گەكسى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قېلىن، داپشاق؛ تەمەخور.

گەگىتمەل

  • گەگىتمەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چارمەيدە ئۆردەك.

گەڭكىلىمەك

  • گەڭكىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىككى پۇتىنى نۆۋەت بىلەن دەممۇ دەم كۆتىرىپ ماڭماق.

گەلەپى

  • گەلەپى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ئادەتتە ئۆتۈك بىلەن كىيىلىدىغان، پۇچقىقى تار، يان تەرىپى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك چىقىرىلىپ تىكىلىدىغان بىر خىل ئىشتان.

گەلەنتىر

  • گەلەنتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇيۇملار.

گەلەنتىرچى

  • گەلەنتىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇيۇملارنى ساتقۇچى كىشى.

گەلەنتىرچىلىك

  • گەلەنتىرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بۇيۇملارنى سېتىش كەسپى.

گەللە

  • گەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گەدەن، گەجگە.

گەم

  • گەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① دەرد، ئاغرىق. [يەشمىسى:] ② تۇتۇق.

گەمە

  • گەمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەرنى كولاپ ياسىغان يەر ئاستى ئۆيى.

گەنجىڭ

  • گەنجىڭ[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] گومىنداڭ ھۆكۈمىتى چىقارغان بىر خىل قەغەز پۇل.[يەشمىسى:] ② سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] لەۋزىگە ئەمەل قىلىدىغان، راستچىل، مەرد:[مىسال:] گەنجىڭ ئادەم.

گەندە

  • گەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نىجاسەت؛ پوق.

گەۋدە

  • گەۋدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ تەن قۇرۇلۇشى؛ بەست، بەدەن:[مىسال:] ئادەم گەۋدىسى. ھايۋان گەۋدىسى. ئورۇق گەۋدە. * ئۇلارنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرى شوپۇر يىگىتنىڭ گەۋدىسىگە تىكىلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② مۇردا، جەسەت:[مىسال:] قانغا بويالغان ئىككى گەۋدە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ غۇل غۇلىسىغا سەۋەب بولدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنىڭ بارلىقى، مەۋجۇتلۇقى، تۇرقى، جىسمى:[مىسال:] يىراقتىن بۇ تاغنىڭ يوغان گەۋدىسى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەركەز، غول، يادرو:[مىسال:] ئادەم جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى.

گەۋدىسىز

  • گەۋدىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەۋدىسى يوق:[مىسال:] پسىخىكىلىق ھادىسىلەر فىزىكىلىق ھادىسىلەرگە ئوخشىمايدۇ، پسىخىكىلىق ھادىسىلەر گەۋدىسىز بولىدۇ، ئۇنى بىۋاسىتە كۆزىتىشكە بولمايدۇ.

گەۋدىلەشتۈرمەك

  • گەۋدىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «گەۋدىلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.

گەۋدىلشتۈرۈلمەك

  • گەۋدىلشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «گەۋدىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىغىن ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

گەۋدىلەشمەك

  • گەۋدىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر گەۋدىگە ئايلانماق، بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشماق، بىرلىشىپ بىر گەۋدە ھالىتىگە كەلمەك.

گەۋدىلەندۈرمەك

  • گەۋدىلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «گەۋدىلەنمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چوكان باخشىنىڭ بۇ گۈزەل ئۇسسۇلى يەنە قاراپ تۇرغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا سىرلىق خىيالىي كارتېنىلارنى گەۋدىلەندۈرەتتى.

گەۋدىلەندۈرۈشمەك

  • گەۋدىلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «گەۋدىلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گەۋدىلەندۈرۈلمەك

  • گەۋدىلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «گەۋدىلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كىنودا ئەڭ نازۇك ۋە ئىنچىكە تەپسىلاتلارمۇ ئەينەن ۋە جانلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

گەۋدىلەنمەك

  • گەۋدىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەيدا بولماق، نامايان بولماق؛ كۆرۈنمەك:[مىسال:] بۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن يۇرتقا بارغىنىمدا كۆرگەن بەزى ئىشلار كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەندى.[يەشمىسى:] ② يىغىلىپ بىر پۈتۈن ھالدا كۆرۈنمەك؛ مۇجەسسەملەنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ سەنئەت ماھارىتى مۇشۇ رەسىمدە تولۇق گەۋدىلەنگەنىدى.

گەۋدىلىك

  • گەۋدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قەددى-قامىتى بار، قەددى-قامەتلىك، بەستلىك، قابىل، ئۇستىخانلىق:[مىسال:] گەۋدىلىك ئادەم.[يەشمىسى:] ② كۆزگە كۆرۈنەرلىك، روشەن، مۇھىم:[مىسال:] گەۋدىلىك مەسىلە. * بۇ ھازىر يېزا بازارلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان گەۋدىلىك يېڭى ئۆزگىرىش.

گەيجاڭ

  • گەيجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] مەھەللە باشلىقى.

گرابىن

  • گرابىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىككى بۆلەك ئۈزۈلۈش بەلۋېغى ئارىسىدىكى تۆۋەنگە چۈشكەن جىنس قاتلىمى.

گرادۇس

  • گرادۇس[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بۇلۇڭ ياكى ياي ھېسابلاش بىرلىكى. چەمبەرنى تەڭ 360 بۆلەككە بۆلگەندە ھاسىل بولغان ياي بىر گرادۇسلۇق ياي، بىر گرادۇسلۇق ياي قارشىسىدىكى مەركىزىي بۇلۇڭ بىر گرادۇسلۇق بۇلۇڭ دېيىلىدۇ. بىر گرادۇس 60 مىنۇتقا تەڭ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] پاراللېل ياكى مېرىدىئاننىڭ 360 تىن بىر قىسمى. پاراللېل ياكى مېرىدىئان بويلاپ ھېسابلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] تېمپېراتۇرا ئۆلچەم بىرلىكى؛ دەرىجە:[مىسال:] 35 گرادۇس ئىسسىق.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنىڭ زىچلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىسپىرت كۈچىنى ئۆلچەش بىرلىكى:[مىسال:] بۇ ھاراقنىڭ گرادۇسى بەك يۇقىرى.

گرادۇسلۇق

  • گرادۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① گرادۇسى بار، گرادۇس ئورنىتىلغان:[مىسال:] گرادۇسلۇق كالېندار.[يەشمىسى:] ② گرادۇسقا يەتكەن، گرادۇس دەرىجىسىدىكى، گرادۇسقا تەڭ:[مىسال:] ئۇ يۇقىرى گرادۇسلۇق مەشتە تاۋلانغان پولاتتەك ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىدى.

گرادىئېنت

  • گرادىئېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] بىرلىك ۋاقىت ياكى بىرلىك مۇساپە ئىچىدىكى مەلۇم ھادىسە (مەسىلەن، تېمپېراتۇرا، ھاۋا بېسىمى، زىچلىق، سۈرئەت قاتارلىقلار)نىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى.

گراف

  • گراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] غەربىي ياۋروپادا ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى رۇسىيىدە كىنەزدىن كېيىن، باروندىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنۋانى ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان ئوردا ئەمەلدارى.

گرافا

  • گرافا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل جەدۋەل ۋە ئىدارە دەپتەرلىرىدە ئىككى تىك سىزىق ئارىسىدىكى، ھەر خىل مەلۇماتلار يېزىلىدىغان ئىستون.

گرافىت

  • گرافىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مېنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى كاربون (C). توق كۈل رەڭ ۋە مېتال پارقىراقلىقىغا ئىگە. قاتتىقلىقى تۆۋەن، ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى، توكنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق. ئادەتتە ساپال قازان، ئېلېكتر قۇتۇپى، قېرىنداش سىياھى، سىلىقلىتىش مېيى، بوياق، چىرىشتىن ساقلىغۇچى سىر ۋە ئاتوم رېئاكسىيە قازىنىدىكى سۈرئەت ئاستىلىتىش رېئاكتىپى قاتارلىقلار ياسىلىدۇ.

گرافىك

  • گرافىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① ھەر خىل مىقدارلىق باغلىنىشلارنى سىزىقلار ۋاسىتىسى بىلەن تەسۋىرلەش ۋە شۇنداق تەسۋىرنىڭ ئۆزى. [يەشمىسى:] ② ئىش نورمىسى ۋە بېجىرىلىش مۇددىتى ئېنىق كۆرسىتىلىپ تۈزۈلگەن پىلان.

گرافىكا

  • گرافىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدىغان ۋە تۈرلۈك رەقەملەرنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان سخېما ياكى جەدۋەللەرنىڭ ئومۇمىي نامى. مەسىلەن، سخېمىلىق خەرىتە، ستاتىستىكا جەدۋىلى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

گرافىكىلىق

  • گرافىكىلىق[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گرافىكىسى بار، گرافىكىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] گرافىكا بىلەن، گرافىكا ئارقىلىق:[مىسال:] گرافىكىلىق يېشىش.

گرام

  • گرام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى ئېغىرلىق ياكى ماسسا بىرلىكى. بىر گرام بىر كىلوگرامنىڭ مىڭدىن بىرىگە تەڭ.

گراملاتماق

  • گراملاتماق[يەشمىسى:] «گراملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گراملانماق

  • گراملانماق[يەشمىسى:] «گراملىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گراملىق

  • گراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گرام ئېغىرلىقىدىكى، گرام كېلىدىغان:[مىسال:] 500 گراملىق ماي بېلەت.

گراملىماق

  • گراملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى گرامنى بىرلىك قىلىپ ئۆلچىمەك؛ تارتماق.

گرامماتىكا

  • گرامماتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ① تىلشۇناسلىقنىڭ تىلنىڭ قۇرۇلما شەكلىنى يەنى سۆزلەرنىڭ ياسىلىش، تۈرلىنىش ھەمدە سۆزلەردىن جۈملە تۈزۈش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى. ئۇ مورفولوگىيە بىلەن سىنتاكسىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:[مىسال:] تارىخىي گرامماتىكا. تەسۋىرىي گرامماتىكا. سېلىشتۇرما گرامماتىكا.[يەشمىسى:] ② بىرەر تىلنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلما شەكلى يەنى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى، تۈرلىنىشى، سۆز بىرىكمىسى ھەم جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئائىت قائىدىلىرىنىڭ يىغىندىسى. [يەشمىسى:] ③ شۇ قائىدىلەر بايان قىلىنغان ئوقۇش كىتابى، دەرسلىك:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى. ئوتتۇرا مەكتەپ گرامماتىكىسى. باشلانغۇچ مەكتەپ گرامماتىكىسى.

گرامماتىكىلىق

  • گرامماتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گرامماتىكىغا ئائىت:[مىسال:] گرامماتىكىلىق شەكىل. گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە. گرامماتىكىلىق مەنە. گرامماتىكىلىق ۋاسىتە.

گرانات

  • گرانات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قول بىلەن تاشلايدىغان بىر خىل كىچىك تىپتىكى بومبا. بەزىلىرىدە ساپ بولىدۇ.

گراناتوميوت

  • گراناتوميوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىينن بىر خىل كىچىك تىپتىكى قورال. زەمبىرەك ئوقى ئاغزىدىن قاچىلىنىدۇ، ئېتىش مۇساپىسى بىر قەدەر يېقىن.

گرانىت

  • گرانىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماگمىنىڭ يەر پوستىدا تەدرىجىي سوۋۇشى بىلەن قېتىشىپ كرىستالغا ئايلانغان تاغ جىنس. يەر يۈزىگە كەڭ تارقالغان.

گرانىتلىق

  • گرانىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە گرانىت بولغان، گرانىتقا ئىگە:[مىسال:] گرانىتلىق پىگماتىت. گرانىتلىق دىئورىت.

گراۋىتاتسىيە

  • گراۋىتاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېغىرلىق كۈچى؛ تارتىش كۈچى.

گراۋىتاتسىيىلىك

  • گراۋىتاتسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئېغىرلىق كۈچى بىلەن، ئېغىرلىق كۈچى ئارقىلىق:[مىسال:] گراۋىتاتسىيىلىك چارلاش.

گراۋىمېتىرىيە

  • گراۋىمېتىرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قاتتىق جىسىملار گېئوفىزىكىسىنىڭ بىر تارمىقى. ئاساسىي ۋەزىپىسى يەر شارىنىڭ ئېغىرلىق كۈچ مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆلچەپ چىقىشتىن ئىبارەت.

گروزىن

  • گروزىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار گروزىيىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

گروزىنچە

  • گروزىنچە[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گروزىن تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] گروزىنچە ئۇسسۇل. گروزىنچە ئادەت.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] گروزىن تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] گروزىنچىنى ئۆگەنمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] گروزىن تىلىنى ئىشلىتىپ، گروزىن تىلىدا:[مىسال:] گروزىنچە سۆزلىمەك.

گرېك

  • گرېك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار قەدىمكى گرېكلار ۋە ھازىرقى گرېكلار دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. قەدىمكى گرېكلار تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅻ ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىرگىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىمالدىن بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، ئىئونىيە دېڭىزى ۋە ئېگېي دېڭىزىدىكى بىر قىسىم ئارال ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەم يەرلىك ئاھالىلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇللۇق تۈزۈمدىكى نۇرغۇنلىغان شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان ھەمدە قارا دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان رايونلاردا مۇستەملىكىلەرنى بەرپا قىلغان. ھازىرقى گرېكلار گرېتسىيىنىڭ تۈپ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار قەدىمكى گرېكلارنىڭ سلاۋىيانلار، ئالبانلار، ۋىلاكلار ۋە تۈركلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. نوپۇسى تەخمىنەن 8 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، كۆپ قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. قالغان 2 مىليون گرېك ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىگە تارقالغان. سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىدە 500 مىڭ گرېك بار.

گرېلكا

  • گرېلكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەتتە بەدەننىڭ ئاغرىغان، يەل تۇرۇپ قالغان جايلىرىغا قىزىق سۇ بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەنگەن خالتا شەكلىدىكى ئاغزى بۇرمىلىق بىر خىل رېزىنكە سايمان.

گرېيزېن

  • گرېيزېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ئاينىغان جىنس، يەنى گرانىت جىنسلاردىكى دالا شىپاتى قاتارلىق مېنېراللار ماگمىدىن بۆلۈنۈپ چىققان گاز ۋە ئىسسىق ئېرىتمىنىڭ تەسىرىدە ئاجراپ بۆلۈنۈپ شەكىللەنگەن كۋارتس ۋە ئاق چىرىمتاللارنى ئاساسىي تەركىب قىلغان تاغ جىنسى.

گلاۋكوما

  • گلاۋكوما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل كۆز كېسەللىكى. كۆزنىڭ ئىچكى بېسىمىنىڭ ئارتىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا قارىچۇق يوغىناش، مۈڭگۈز پەردىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، رەڭگى كۈل رەڭگە مايىل يېشىل تۈس ئېلىش، قاتتىق ئاغرىش ۋە قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدا يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، پۈتۈنلەي قارىغۇ بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.

گلوبۇس

  • گلوبۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ مودېلى. تەگلىكى بار جازىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئۈستىگە دېڭىز-ئوكيان، قۇرۇقلۇق، دەريالار، تاغ تىزمىلىرى، پاراللېل ۋە مېرىدىئان سىزىقلىرى قاتارلىقلار سىزىلغان بولىدۇ. ئادەتتە ئوقۇتۇش ۋە ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

گلوبۇلىن

  • گلوبۇلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىققا قارىتا تۇراقسىز بولغان بىر خىل قان زەرداپى ئاقسىلى. تويۇنۇش دەرىجىسى 50 پىرسەنت بولغان ئاممۇنىي سۇلفات ئارقىلىق چۆكمىگە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ سۇيۇق تۇز كىسلاتاسىدا ئېرىيدۇ. ئۇ يەنە «شارچە ئاقسىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

گلۇكوزا

  • گلۇكوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، مولېكۇلا فورمۇلىسى C6H12O6. ئاددىي قەنت بولۇپ، رەڭسىز كرىستال ھالىتىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانات ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. تېببىي دورىگەرلىكتە قۇۋۋەتلەندۈرۈش دورىسى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە قەنت-گېزەك ۋە پېچىنە قاتارلىقلارنى ئىشلەشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ.

گلىكوزىد

  • گلىكوزىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىر تۈرى. ئۆسۈملۈكلەردە كەڭ ساقلانغان. قەنت تۈرىدىكى ۋە قەنت تۈرىدە بولمىغان ھەر خىل ئورگانىك ماددىلارنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچىسى ئاق رەڭلىك كرېستال ھالىتىدە كېلىدۇ.

گلىتسېرىن

  • گلىتسېرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى .C3H8O3 رەڭسىز، سۈزۈك سۇيۇقلۇق. يېپىشقاق كېلىدۇ، تاتلىق تەمگە ئىگە، سۇ سۈمۈرىدۇ. زىننەت بۇيۇملىرى، نىترو گلىتسېرىن ۋە قەنت-گېزەك ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. مېدىتسىنىدا تېرە ۋە يېپىشقاق پەردىلەرنى ئاسراش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

گلىكوگېن

  • گلىكوگېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. ئۇنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى .(C6H10O5)x ئۇ بىر خىل كۆپ قەنتلىك ۋە رەڭسىز پاراشوك بولۇپ، تەمى تاتلىق. ھايۋانلار تېنىدە ساقلىنىدۇ، جىگەردە ئەڭ كۆپ. ئادەتتە ھايۋانلار ئېنېرگىيىسىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە گلۇكوزا كەم بولغاگلۇكوزىغا ئايلىنىدۇ. قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئارتقاندا، ئارتۇق گلۇكوزا يەنە گلىكوگېنغا ئايلىنىپ جىگەر ۋە مۇسكۇلدا ساقلىنىدۇ.

گنېيس

  • گنېيس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىدە دالا شپاتى، كۋارتس كۆپرەك، دانىچىلىرى يىرىكرەك ۋە روشەن گنېيس قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغان ئۆزگەرگەن جىنس. تاغ جىنسلىرىدا دالا شىپاتى (كالىيلىق دالا شپاتى، پلاگىئوكلاز) بىلەن كۋارتسنىڭ مىقدارى 50 تىن ئارتۇق، دالا شىپاتىنىڭ مىقدارى ئادەتتە كۋارتستىن كۆپ بولىدۇ.

گوئارانى

  • گوئارانى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراگۋاينىڭ پۇل بىرلىكى.

گوپاك

  • گوپاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] ئوكرائىنانىڭ بىر خىل خەلق ئۇسسۇلى ياكى شۇ خىل ئۇسسۇل مۇزىكىسى.

گوداڭ

  • گوداڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئويۇلۇپ ئورا بولۇپ قالغان ياكى توپىسى قېزىۋېلىنغان چوڭ ئويمان يەر؛ ئازگال.

گوداڭلىق

  • گوداڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گوداڭ كۆپ جاي:[مىسال:] ئەكبەر ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى گوداڭلىقنى تۈزلەپ مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكتى.

گورمون

  • گورمون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئاجراتما بەزلىرى بىۋاسىتە قان تەركىبىگە چىقىرىدىغان، ئورگانىزم ئۈچۈن ئالاھىدە ئۈنۈمى بار ماددىلار. ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئەزالار ۋە بالا ھەمراھى قاتارلىق ئەزالارمۇ گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. گورمونلارنىڭ خىزمىتى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كونترول قىلىشى ۋە ئۆزئارا تەسىر قىلىشى ئاستىدا، ئورگانىزملارنىڭ ھەرخىل فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى ۋە ماددا ئالمىشىشلىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ.

گورىزونتال

  • گورىزونتال[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇپۇق سىزىقىغا پاراللېل يۆنەلگەن ياكى پاراللېل بولغان:[مىسال:] گورىزونتال سىزىق. گورىزونتال تەكشىلىك.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇپۇق سىزىقىغا پاراللېل بولغان توغرا سىزىق.

گوسپىتال

  • گوسپىتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ئادەتتە ھەربىيلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان داۋالاش ئورنى؛ شىپاخانا، كېسەلخانا.

گوسسامپىنۇس

  • گوسسامپىنۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گوسسامپىنۇس دەرىخى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئۇرۇق پوستىدىن ئۇزۇن ۋە ئاق رەڭلىك تالا ئۆسۈپ چىقىدۇ. بۇ خىل تالا يۇمشاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ياستۇق، سېلىنچا قاتارلىقلار ياسىلىدۇ.

گول

  • گول[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قۇۋلۇق-شۇملۇقنى بىلمەيدىغان، بىرەر ئىش، بىرەر گەپكە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدىغان، تۈز، ساددا:[مىسال:] گول ئادەم. گول بولما?您?گول قىلماق. * كىتابلاردا نېمىلا يېزىلسا شۇنى توغرا دەيدىغان گول چاغلىرىمىز ئۆتكەن ئوخشايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاينىش، كۆكلەش، تۇتۇش جەھەتتە ئانچە كۆپ ئەجىر تەلەپ قىلمايدىغان؛ ئاسان ئەي بولىدىغان (ئۆسۈملۈك ھەققىدە):[مىسال:] چىغ دېگەن بەكمۇ گول نېمە، كۈزدە بىرلا سۇ باشلاپ توڭ ياتقۇزىۋەتسەم، ئەتىيازلىقى نەيزە تارتىپ چىقىۋېرىدۇ، دېدى ئۇ.

گولف

  • گولف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① بىر خىل توپ ئويۇنى. ئادەتتە توپنى چۆمۈچ شەكىللىك تاياق بىلەن ئۇرۇپ توسالغۇلاردىن ئۆتكۈزۈپ، يەرگە كولاپ قويۇلغان كىچىك تۆشۈكلەرگە كىرگۈزۈپ ئوينىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② گولف توپ ئويۇنىدا ئىشلىتىلىدىغان توپ. سىرتى قاتتىق كاۋچۈكتىن ياسالغان، چويلا توپتىن كىچىكرەك بولىدۇ.

گوللاشماق

  • گوللاشماق[يەشمىسى:] «گوللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گوللانماق

  • گوللانماق[يەشمىسى:] «گوللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياق، ياق، بۇ غەلىبە بىلەن گوللىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ، دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە.

گوللۇق

  • گوللۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈزلۈك، ساددىلىق:[مىسال:] بىلىم يۇرتى-نادانلىقنى يۇيۇش يۇرتى، خۇراپات ۋە گوللۇقنى تۈگىتىش يۇرتى.

گوللىماق

  • گوللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلارنى ئالدىماق، يالغانغا ئىشەندۈرمەك:[مىسال:] قىز ئېرىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ دادىسىنى گوللاپتۇ.

گولمۇيماق

  • گولمۇيماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گۆلەيمەك، ھومايماق، ئالايماق.

گولمىي

  • گولمىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(holmium)Ho بۇ بىر خىل سىيرەك يەر مېتالىدۇر.

گولوگرافىيە

  • گولوگرافىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىملاردىن قايتقان ياكى ئۆتكەن دولقۇننىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەيدىغان بىر خىل تېخنىكا. ئوپتىكىلىق، ئاكۇستىكىلىق، x نۇرلۇق ۋە مىكرو دولقۇنلۇق گولوگرافىيە دېگەندەك كۆپ خىل تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت كىشىگە ستېرېئولۇق تۇيغۇ بېرىدۇ.

گولوگرافىيىلىك

  • گولوگرافىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گولوگرافىيىگە ئائىت؛ گولوگرافىيە ئارقىلىق ئىشلەنگەن:[مىسال:] گولوگرافىيىلىك كىنو.

گولوگرامما

  • گولوگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] گولوگرافىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت.

گولىماق

  • گولىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەرز قىلماق، ئەرز ئېيتماق، دادلىماق.

گومولوگ

  • گومولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مولېكۇلا تۈزۈلۈشى ۋە خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئوخشاپ كېتىدىغان، بىراق بىر-بىرىدىن بىر ياكى بىرقانچە CH2 بىلەن پەرق قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئورگانىك بىرىكمىلەر. گومولوگلار ئومۇمىي فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئالكانلاردىكى مىتان CH4، ئىتان C2H6 ۋە پروپان C3H8 قاتارلىقلار گومولوگلار بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرق CH2، ئومۇمىي فورمۇلىسى .CnH2n+2

گومۇش

  • گومۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا دەرھال ئەقلى يەتمەيدىغان، روھىي ھالىتى جۇشقۇن ئەمەس، زېھنى ئاجىز:[مىسال:] گومۇش ئادەم. گومۇش بالا.

گومۇشلۇق

  • گومۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] روھىي ھالىتى جۇشقۇن بولماسلىق، زېھنى ئاجىزلىق.

گومىنداڭ

  • گومىنداڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى سىياسىي پارتىيىسى.

گومىنداڭچى

  • گومىنداڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گومىنداڭ تەرەپدارى، گومىنداڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغان، گومىنداڭ پارتىيىسىگە مەنسۇپ كىشى.

گوئۇردې

  • گوئۇردې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گايتىنىڭ پۇل بىرلىكى.

گوۋۇيۈەن

  • گوۋۇيۈەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي ئىجرائىيە ئورگىنى، دۆلەتنىڭ ئالىي ئورگىنى. ئۇ زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپتىن تەركىب تاپىدۇ. گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. [يەشمىسى:] ② مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى ئىچكى كابېنت. زۇڭلى باشچىلىق قىلغان.

گويا

  • گويا[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قىياس قىلىش، ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قاراڭغۇ چۈشۈپ ئەتراپتا گويا ئۆلۈم جىمجىتلىقى ھۆكۈم سۈرگەندە، ئۇلار ئۆڭكۈردىن چىقىشتى.

گوياخەي

  • گوياخەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يوپۇرماقسىز ئۆسۈملۈك. يەردىن بىر تاللا ئۈنۈپ چىقىدۇ. بەزىلىرىنىڭ بېشىدا قالپىقى بولىدۇ، بەزىلىرى ئۇچلۇق بولىدۇ. غولى قىزىل، خەنزۇلار سەي قىلىپ يەيدۇ.

گوياكى

  • گوياكى[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «گويا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ گوياكى قىر-دالىلاردا ئەركىن باھار شامىلى بىلەن يەلپۈنۈپ تۇرغان چىغىرتماق گۈلدەك نەپىس ۋە نازاكەتلىك ئىدى.

گۇئارانى

  • گۇئارانى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاراگۋاينىڭ پۇل بىرلىكى.

گۇئانىدىن

  • گۇئانىدىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى CH5N3. رەڭسىز كرىستال، نەملىكتە ئىنتايىن ئوڭاي پارچىلىنىدۇ. ئۇ دورىگەرلىك سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ماتېرىيالى بولۇپ، كۈچلۈك ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئىشقارلىقى NaOH نىڭ ئىشقارلىقىغا يېقىنلىشىدۇ.

گۇپپاڭ

  • گۇپپاڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]گۇپ+پاڭ[[يەشمىسى:] ئېغىر نەرسىنىڭ ئېگىزدىن سۇغا، يەرگە چۈشۈشى ۋە باشقا بىرنەرسىگە ئۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز.

گۇپپاڭچى

  • گۇپپاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا «ھە، ھۇ» دېيىشىپ بېرىدىغان، باشقىلارنىڭ مەپەئىتى ئۈچۈن داپ چالىدىغان كىشى؛ قولچۇماق، چاپانچى، خۇشامەتچى، يالاقچى.

گۇپپاڭچىلىق

  • گۇپپاڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا يالاقچىلىق، خۇشامەتچىلىك، قولچۇماق بولۇش ھەرىكىتى، ئىشى؛ پورداقچىلىق، چاپانچىلىق:[مىسال:] گۇپپاڭچىلىق قىلماق.

گۇتتاتۇس

  • گۇتتاتۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل بېلىق. تېنى ئىنچىكە، ئۇزۇن، رەڭگى كۈل رەڭ، قارامتۇل كەلگەن ئۇششاق سەپكۈنلىرى بار. تەڭگىچىسى يوق. ئېغىز قىسمىدا تۆت جۈپ بۇرۇتچىسى بار. تاتلىق سۇلاردا ياشايدۇ.

گۇچ

  • گۇچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى چىشلەش قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز.

گۇچچىدە

  • گۇچچىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گۇچ» قىلغان ھالدا، «گۇچ» قىلىپ.

گۇچ-گۇچ

  • گۇچ-گۇچ[يەشمىسى:] «گۇچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] چىشنى «گۇچ-گۇچ»قىلماق.

گۇچىلداتماق

  • گۇچىلداتماق[يەشمىسى:] «گۇچىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۇچىلداشماق

  • گۇچىلداشماق[يەشمىسى:] «گۇچىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۇچىلدىماق

  • گۇچىلدىماق[يەشمىسى:] ① پ[يەشمىسى:] «گۇچ-گۇچ» قىلغان ئاۋاز چىقماق، «گۇچ-گۇچ» قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىت-تىت بولماق، تىتىلدىماق.

گۇدۇڭ

  • گۇدۇڭ[يەشمىسى:] ① تەق.[يەشمىسى:] بوش ۋە بوم ھالەتتە چىققان ئاۋاز؛ تاۋۇش:[مىسال:] گۇدۇڭ قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆت ياكى بەش ئات قوشۇلىدىغان چوڭ تىپتىكى تۆمۈر ھارۋىلارنىڭ ئاستىغا ئېسىلىدىغان يوغان بوم ئاۋازلىق قوڭغۇراق:[مىسال:] گۇدۇڭ ھارۋا.

گۇدۇڭ-گۇدۇڭ

  • گۇدۇڭ-گۇدۇڭ[يەشمىسى:] «گۇدۇڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «گۇدۇڭ-گۇدۇڭ» قىلماق.

گۇدۇڭلاشماق

  • گۇدۇڭلاشماق[يەشمىسى:] «گۇدۇڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاپىسىنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر نېمىلەرنى دەپ گۇدۇڭلاشتى-دە، نەگىدۇر غايىب بولدى.

گۇدۇڭلىماق

  • گۇدۇڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۇدۇڭ-گۇدۇڭ»قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «گۇدۇڭ-گۇدۇڭ»قىلماق:[مىسال:] گايىت قېشىدا ئولتۇرغانلارغا بىر نېمە دەپ گۇدۇڭلىۋېدى، ئەترەت باشلىقى تۇردى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ گايىتنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

گۇردى

  • گۇردى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گايتى دۆلىتىنىڭ پۇل بىرلىكى.

گۇرۇپپا

  • گۇرۇپپا[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر يەرگە يىغىلغان كىشىلەر، ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئۇيۇشقان بۆلىكى؛ توپ:[مىسال:] ئوغۇللار ھەر كۈنى دەرستىن كېيىن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ پۇتبول ئۇينايدىغان بولدى.[يەشمىسى:] ② دەرس ياكى مەشغۇلات ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش بىرەر مەقسەت بىلەن بىرلەشكەن كىشىلەر توپى؛ ئەترەت، گۇرۇھ:[مىسال:] خىزمەت گۇرۇپپىسى. پارتىيە گۇرۇپپىسى. ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى. تەتقىقات گۇرۇپپىسى.[يەشمىسى:] ③ تۈر، تارماق:[مىسال:] قازاق تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئوغۇز-قىپچاق تىل تارمىقىنىڭ قىپچاق-نوغاي تىل گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. [يەشمىسى:] ④ بىرەر ئورتاق بەلگە، خۇسۇسىيەت قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسىلەر، ھادىسىلەر بۆلىكى، تۈركۈمى:[مىسال:] يۇلتۇزلار گۇرۇپپىسى. سەييارىلەر گۇرۇپىسى.

گۇرۇپپىلاشتۇرماق

  • گۇرۇپپىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «گۇرۇپپىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۇرۇپپىلاشتۇرۇلماق

  • گۇرۇپپىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «گۇرۇپپىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گۇرۇپپىلاشماق

  • گۇرۇپپىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گۇرۇپپا بولۇپ ئۇيۇشماق، بىرلەشمەك، كوللېكتىپلاشماق:[مىسال:] گۇرۇپپىلىشىپ ئىشلىدۇق، يەككىلىكنى تاشلىدۇق. ھەممە خەلق بىر نىيەتتە، يېڭىلىقنى باشلىدۇق.

گۇرۇپپىلىق

  • گۇرۇپپىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، گۇرۇپپىلاشقان:[مىسال:] گۇرۇپپىلىق رەسىم. گۇرۇپپىلىق مۇزىكا.

گۇرۇپپىلىماق

  • گۇرۇپپىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گۇرۇپپىلارغا بۆلمەك، ئاجراتماق، ئايرىماق:[مىسال:] مۇئەللىم چۈشكىچە ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلاپ چىقتى.

گۇرۇپپىۋاز

  • گۇرۇپپىۋاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەزھەپ ۋە گۇرۇھ پەيدا قىلىدىغان، گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان؛ تەرەپباز، گۇرۇھۋاز.

گۇرۇپپىۋازلىق

  • گۇرۇپپىۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەرەپبازلىق، گۇرۇھۋازلىق:[مىسال:] گۇرۇپپىۋازلىق قىلماق.

گۇرۇھ

  • گۇرۇھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر كۆز قاراش، ئېتىقاد، مەسلەك بويىچە ئۇيۇشقان شەخسلەر كوللېكتىپى؛ مەزھەپ:[مىسال:] دىنىي گۇرۇھ. ئەكسىيەتچىل گۇرۇھ.

گۇرۇھچىلىق

  • گۇرۇھچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇرۇھۋازلىق:[مىسال:] گۇرۇھچىلىق ئىستىلى. گۇرۇھچىلىق ئىدىيىسى.

گۇرۇھ-گۇرۇھ

  • گۇرۇھ-گۇرۇھ[يەشمىسى:] بىرقانچە گۇرۇھ؛ توپ-توپ:[مىسال:] گۇرۇھ-گۇرۇھ بولۇپ ئۇيۇشماق. گۇرۇھ-گۇرۇھ ھالەتنى شەكىللەندۈرمەك.

گۇرۇھۋاز

  • گۇرۇھۋاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[سەلب.[يەشمىسى:] مەزھەپ ۋە گۇرۇھ پەيدا قىلىدىغان، گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان؛ تەرەپباز، گۇرۇپپىۋاز:[مىسال:] گۇرۇھۋاز تەشكىلاتلار. ∥ سۆزۈمنى باشلىدىم، ئاڭلا، گۇرۇھۋازلار، يولى تارلار، ئومۇملۇقنى راسا داڭلا، قۇرۇپ كەتسۇن گۇرۇھۋازلىق.

گۇرۇھۋازلىق

  • گۇرۇھۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر گۇرۇھ كىشىلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقا گۇرۇھلار بىلەن بولغان قارشىلىشىش ھەرىكەتلىرى:[مىسال:] گۇرۇھۋازلىق قىلماق.

گۇشا

  • گۇشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۆگۈننى قاپقاق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان جايى. ئاستى گىرۋەكلىك بولىدۇ.

گۇك

  • گۇك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] دەمدەر، پاختەكلەرنىڭ سايرىشىدىن چىققان ئاۋاز.

گۇك-گۇك

  • گۇك-گۇك[يەشمىسى:] «گۇك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇ پاختەكلەرنىڭ بىرى «گۇك-گۇك» قىلسا، يەنە بىرى «خوتۇندىن قورقىدۇ»غا سايرىغىلى تۇردى.

گۇ-گۇ

  • گۇ-گۇ[يەشمىسى:] «گۇك-گۇك»غا قاراڭ:[مىسال:] «گۇ-گۇ» قىلىپ سايرايدۇ، جۈجەم بېشىدا پاختەك. سەن ئۆزۈڭنى ماختايسەن، ھەينى شەھەردە يوقتەك.

گۇگۇكلاشماق

  • گۇگۇكلاشماق[يەشمىسى:] «گۇگۇكلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۇگۇكلىماق

  • گۇگۇكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۇگۇك» قىلماق، «گۇگۇك» قىلىپ سايرىماق:[مىسال:] ئۇ دومىلاپ بېرىپ سىم ياغاچقا شۇنداق ئۈستىكى سىم ياغاچنىڭ ئۇچىدا گۇگۇكلاپ ئولتۇرغان پاختەكمۇ كۇررىدە ئۇچۇپ كەتتى.

گۇگۇم

  • گۇگۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نامازشام ئارىلىقىدىكى، تاڭ يورۇش مەزگىلىدىكى قاراڭغۇلۇق:[مىسال:] گۇگۇم چۈشمەك. گۇگۇم ۋاقتى.

گۇگۇملاشماق

  • گۇگۇملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كەچ كىرىپ ئەتراپ قاراڭغۇلاشماق، قاش قارايماق:[مىسال:] ئۆينىڭ ئىچى بارغانسېرى گۇگۇملىشىپ، ئىچىدىكى ئادەملەرنى خىيالىي بىر گەۋدىلەرگە ئايلاندۇرماقتا.

گۇڭⅠ

  • گۇڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قوڭغۇز، قارا ھەرە قاتارلىق ھاشاراتلار ئۇچقاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] «گۇڭ-گۇڭ» قىلماق.

گۇڭⅡ

  • گۇڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئىش كۈنى:[مىسال:] گۇڭ خاتىرىلىمەك.[يەشمىسى:] ② يەر ئۆلچەش ئەسۋابى:[مىسال:] قېنى قايسى نوچى يېرىمگە گۇڭ سېلىشقا پېتىنىدىكەن، قاڭشىرىنى ئېتىلدۇرۇۋېتىمەن دەيتتى روزىمەت قولىدىكى يوغان چالمىنى كۆرسىتىپ.

گۇڭⅢ

  • گۇڭⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] خاننىڭ بىرىنچى ئوغلى ياكى ئوغلى بولمىسا بىرىنچى ئىنىسىغا بېرىلىدىغان ئىز باسارلىق ئەمەل. بۇنى خان بەلگىلەپ يارلىق چۈشۈرىدۇ.

گۇڭⅣ

  • گۇڭⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غۇم، ئاداۋەت.

گۇڭپۇڭ

  • گۇڭپۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپى ۋە يېزىلارردا ئەزالارنىڭ ئەمگىكىگە يارىشا ھېسابلىنىدىغان ھەق؛ ئىش نومۇرى:[مىسال:] گۇڭپۇڭ ئالماق. گۇڭپۇڭ بەرمەك.

گۇڭراتماق

  • گۇڭراتماق[يەشمىسى:] «گۇڭرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۇڭراشماق

  • گۇڭراشماق[يەشمىسى:] «گۇڭرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۇڭرىماق

  • گۇڭرىماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① «گۇڭ-گۇڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «گۇڭ-گۇڭ» قىلماق (يېشىغا يەتمىگەن بوۋاق بالىلارنىڭ تىلى ھەققىدە):[مىسال:] يالغانچىنىڭ چىرايلىق سۆزىدىن بوۋاقنىڭ گۇڭرىشى ياخشى (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىچىدە سۆزلەپ، ئېنىقسىز بىر نېمىلەرنى دېمەك، گۇڭۇلدىماق:[مىسال:] گۇڭرىماي ماڭ، تېز بېرىپ كەلمىسەڭ بولمايدۇ، دېدى ئوغلىغا قاسىم.

گۇڭشې

  • گۇڭشې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «كوممۇنا»غا قاراڭ.

گۇڭشېلاشتۇرماق

  • گۇڭشېلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «گۇڭشېلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئازادلىقتىن كېيىن يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش ۋە گۇڭشېلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

گۇڭشېلاشتۇرۇلماق

  • گۇڭشېلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «گۇڭشېلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گۇڭشېلاشماق

  • گۇڭشېلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانلارنىڭ يەككە ئىگىلىكى كوللېكتىپ ئىگىلىككە ئۆزگەرمەك، كوممۇنا تۈزۈمى ئورنىتىلماق.

گۇڭگا

  • گۇڭگا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېنىق كۆرۈنمەيدىغان، تۇتۇق؛ خىرە، غۇۋا:[مىسال:] گۇڭگا كۆرۈنمەك. گۇڭگا يورۇماق. ∥ كىچىككىنە لامپا ئۆينى گۇڭگا يورۇتۇپ تۇراتتى.

گۇڭ-گۇڭ

  • گۇڭ-گۇڭ[يەشمىسى:] «گۇڭⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «گۇڭ-گۇڭ» قىلماق.

گۇڭگىلىق

  • گۇڭگىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتۇقلۇق، خىرەلىك، غۇۋالىق.

گۇڭ-مۇڭ

  • گۇڭ-مۇڭ[يەشمىسى:] «ھال-مۇڭ»غا قاراڭ:[مىسال:] بۈگۈن ئاخشام ئۇخلىماي بىردەم گۇڭ-مۇڭ بولايلى، ھەممىدىن جاننىڭ ساقلىقى ئەۋزەل، دېدى ئۇ رەپىق ئاكىغا يېقىنراق يەرگە سۈرۈلۈپ.

گۇڭۇرلاشماق

  • گۇڭۇرلاشماق[يەشمىسى:] «گۇڭۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئولتۇرغانلار ئىچىدە ئۆزئارا گۇڭۇرلاشقان ئاۋازلار كۆتۈرۈلدى.

گۇڭۇرلىماق

  • گۇڭۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۇڭۇر-مۇڭۇر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق؛ پەس ئاۋاز بىلەن سۆزلىمەك:[مىسال:] ئىشىككە يېقىنلىغانسېرى ئۆيدىن گۇڭۇرلىغان ئادەم ئاۋازى ئاڭلاندى.

گۇڭۇر-مۇڭۇر

  • گۇڭۇر-مۇڭۇر[يەشمىسى:] ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ پەس ئاۋازدا قىلغان پارىڭى ۋە شۇنداق پاراڭ ئاۋازى:[مىسال:] ئۇلار گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭ بىلەن سۇنۇرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

گۇڭۇلداتماق

  • گۇڭۇلداتماق[يەشمىسى:] «گۇڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۇڭۇلداشماق

  • گۇڭۇلداشماق[يەشمىسى:] «گۇڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۇڭۇلدىماق

  • گۇڭۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلار ئاڭلىيالمىغۇدەك دەرىجىدە سۆزلىمەك، ئېنىقسىز بىرنېمىلەرنى دېمەك:[مىسال:] ئۇستام كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ، بىر كالتە ئاھاڭدا ئىچىدىن گۇڭۇلدايتتى.

گۇلا

  • گۇلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەربىر ئۆرۈشكە چېگىلگەن بۆز يىپلارنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تاياقچە.

گۇلاب

  • گۇلاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل سۈيى:[مىسال:] مەلىكىنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ يۈزلىرىگە گۇلاب چېچىپ ھوشىغا كەلتۈردى.[يەشمىسى:] ② ئەتىرگۈل سۈيىدىن قىلىنغان شەربەت:[مىسال:] گۇلاب ئىچمەك.

گۇلاخ

  • گۇلاخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھاممام (سەراپ) ئوچىقىنىڭ ئالدىدىكى كۈل چۈشىدىغان ئازگال.

گولدېر

  • گولدېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇرىنام دۆلىتىنىڭ پۇل بىرلىكى.

گۇمⅠ

  • گۇمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] زەمبىرەك، بومبا قاتارلىقلارنىڭ ئېتىلىشى، پارتلىشى ۋە بىرنەرسىنىڭ ئىككىنچى بىر-نەرسىگە قاتتىق ئۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] بومبا «گۇم» قىلىپ پارتلىدى.

گۇمⅡ

  • گۇمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مەۋجۇت بولمىغان، مەۋجۇت ئەمەس؛ يوق:[مىسال:] گۇم بولماق. گۇم قىلماق.

گۇممىدە

  • گۇممىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گۇم» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «گۇم» قىلىپ:[مىسال:] گۇممىدە پارتلىماق. گۇممىدە تەگمەك.

گۇماشتا

  • گۇماشتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان، شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەخس.

گۇمان

  • گۇمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پەرەز، قىياس، تەخمىن؛ شەك، شۈبھە:[مىسال:] گۇمان چۈشمەك. گۇمان قىلماق. گۇمان تۇغۇلماق. گۇمان بىلەن سۆزلىمەك.

گۇمان-ئەندىشە

  • گۇمان-ئەندىشە[يەشمىسى:] گۇمان ۋە ئەندىشە:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ چىقىش ئالدىدىكى گۇمان-ئەندىشىلىرىنى ئېيتىپ، مەخسۇمنى جىملىگىلى تۇردى.

گۇمانخور

  • گۇمانخور[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گۇمان قىلىدىغان، گۇمان قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئىشەنمەيدىغان:[مىسال:] ئۇ «سەن تازا گۇمانخور بىر نېمە بولۇپ قالغانغا ئوخشايسەن» دەپ مەندىن رەنجىگەنىدى.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم گۇمان قىلىپ يۈرىدىغان ئادەم:[مىسال:] گۇمانخور دېگەننىڭ ئادىتى گۇمان قىلىش بولماي نېمە بولاتتى.

گۇمانخورلۇق

  • گۇمانخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇمان قىلىش ئادىتى:[مىسال:] چولاق مەزىن بوۋاينىڭ گۇمانخورلۇقىدىن خاپا بولدى.

گۇمانسىراتماق

  • گۇمانسىراتماق[يەشمىسى:] «گۇمانسىرىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۇمانسىراشماق

  • گۇمانسىراشماق[يەشمىسى:] «گۇمانسىرىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۇمانسىرىماق

  • گۇمانسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى ئادەم، نەرسىدىن بىرئاز گۇمان قىلماق، شۈبھىلەنمەك:[مىسال:] نۇراخۇن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، سەل گۇمانسىراپ سادىققا قارىدى.

گۇمانسىز

  • گۇمانسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] گۇمان قىلماي، شەكسىز، شۈبھىسىز:[مىسال:] شوپۇر ئەمدى شائىرنىڭ ئۈلپەتلىرىگە گۇمانسىز ئىشەنگەنىدى.

گۇمانسىزلىق

  • گۇمانسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇمان قىلماسلىق.

گۇمانلاندۇرماق

  • گۇمانلاندۇرماق[يەشمىسى:] «گۇمانلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەرىپىنى ھاراق ئارىلاش گۈپۈلدەپ پۇراۋاتقان ئاياللارنىڭ ھۆسن مايلىرى گۇمانلاندۇردى.

گۇمانلانماق

  • گۇمانلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى ئادەم، نەرسىدىن گۇمان قىلماق، شۈبھىلەنمەك:[مىسال:] ئىلياز خوجا گۇمانلانغان ھالدا قازىغا قاراپ قويۇپ جىم ئولتۇردى.

گۇمانلىق

  • گۇمانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەك، شۈبھە تۇغدۇرىدىغان، ئىشىنىپ بولمايدىغان؛ شۈبھىلىك:[مىسال:] گۇمانلىق ئادەم. * توختى چولپانخان ئانىنىڭ روھىي ھالىتىنى چۈشىنەلمەي گۇمانلىق قاراپ ئولتۇراتتى.

گۇمانلىنىشماق

  • گۇمانلىنىشماق[يەشمىسى:] «گۇمانلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۇمانىزم

  • گۇمانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىنسانپەرۋەرلىك.

گۇمانىست

  • گۇمانىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گۇمانىزمنى ياقلىغۇچى، گۇمانىزم تەرەپدارى، كىشىلىك ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلغۇچى؛ ئىنسانپەرۋەر.

گۇمانىي

  • گۇمانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گۇمان قىلىنغان، گۇمانغا ئاساسلانغان؛ تەخمىنىي:[مىسال:] گۇمانىي قاراش. گۇمانىي تۇيغۇ.

گۇمبا-گۇمباڭ

  • گۇمبا-گۇمباڭ[يەشمىسى:] «گۇمباڭ-گۇمباڭ»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايرودرومدا پىلىموت، ئاپتومات، مىلتىقلاردىن ئېتىلغان شىددەتلىك ئوق ئاۋازى ۋە قول بومبىلىرىنىڭ گۇمبا-گۇمباڭلىرى كۆتۈرۈلۈپ، جاھاننى لەرزىگە سالدى.

گۇمباڭ

  • گۇمباڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تاغ پارتلىتىش، توپ-زەمبىرەكلەرنىڭ ئېتىلىشى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز.

گۇمباڭ-گۇمباڭ

  • گۇمباڭ-گۇمباڭ[يەشمىسى:] «گۇمباڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گۇمباڭلاتماق

  • گۇمباڭلاتماق[يەشمىسى:] «گۇمباڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۇمباڭلاشماق

  • گۇمباڭلاشماق[يەشمىسى:] «گۇمباڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۇمباڭلىماق

  • گۇمباڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۇمباڭ» قىلغان ئاۋاز چىقماق، «گۇمباڭ» قىلماق.

گۇمپا

  • گۇمپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ھۈنەر-كەسىپتىن ئىگىلىگەن ماھىرلىق، ئۇستىلىق؛ ماھارەت:[مىسال:] گۇمپا ئىگىلىمەك. گۇمپا كۆرسەتمەك.  يەڭلىرىمنى شىمايلاپ گۇمپامنى باشلىۋەتتىم.[يەشمىسى:] ② چامباشچىلىق ماھارىتى:[مىسال:] گۇمپا ئۆگەنمەك.

گۇمران

  • گۇمران[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يوقالغان، يوق قىلىپ تاشلانغان، يوقىتىلغان؛ ۋەيران:[مىسال:] گۇمران ئەيلىمەك. گۇمران بولماق. گۇمران قىلماق.

گۇمرانچىلىق

  • گۇمرانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇمران بولغان ھالەت، گۇمرانلىق ھالىتى؛ ۋەيرانچىلىق.

گۇمرانلىق

  • گۇمرانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يوقىلىش، يوق قىلىپ تاشلاش، ۋەيرانلىق.

گۇمراھ

  • گۇمراھ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يولدىن ئازغان، ئاداشقان، يېڭىلگەن:[مىسال:] قايدىن كەلدىڭ ئەي گۇمراھ

گۇم-گۇم

  • گۇم-گۇم[يەشمىسى:] «گۇمⅠ»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «گۇم-گۇم...»دەرۋازىنى يېرىۋەتكۈدەك ئۇرۇلغان مۇشت ساداسى قۇددۇسنىڭ خىيال يىپلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

گۇممىدە

  • گۇممىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گۇم» قىلغان ھالدا، «گۇم» قىلىپ:[مىسال:] گۇممىدە قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.

گۇناھ

  • گۇناھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەقىدىلەرگە خىلاپ، ئەدەپ-ئەخلاق دائىرىسىدىن چەتنىگەن ئىش، ھەرىكەت:[مىسال:] بەرگەن خۇداغا يېقىن، بەرمىگەن گۇناھقا يېقىن (ماقال).[يەشمىسى:] ② جىنايەت، خاتالىق:[مىسال:] گۇناھىنى يۇماق. گۇناھىدىن ئۆتمەك. گۇناھىنى تىلىمەك.

گۇناھسىز

  • گۇناھسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۇناھى يوق، گۇناھ قىلمىغان، بىگۇناھ:[مىسال:] گۇناھسىز ئادەم. گۇناھسىز ئايال.

گۇناھسىزلىق

  • گۇناھسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇناھى يوقلۇق، بىگۇناھلىق.

گۇناھكار

  • گۇناھكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خاتالىق ئۆتكۈزگەن، گۇناھ قىلغان كىشى:[مىسال:] مەن ئۆمرۈمدە بىرىنچى قېتىم گۇناھكار بولۇپ سوراققا تارتىلدىم.

گۇناھكارلارچە

  • گۇناھكارلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] گۇناھكارلارغا ئوخشاش، گۇناھكارلاردەك:[مىسال:] ئۇلار باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ، گۇناھكارلارچە يەرگە قاراپ توختىدى.

گۇناھكارلىق

  • گۇناھكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاتالىق ئۆتكۈزۈش، گۇناھ قىلىش.

گۇناھلىق

  • گۇناھلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۇناھى بار، گۇناھ ياكى ئەيىب ئىش قىلغان:[مىسال:] بالىلىرىم، دەپتۇ ساقى ھىيلە ئىشلىتىپ، -داداڭلارنى ۋاقتىدا يەرلىكتە قويۇۋېتەيلى، بولمىسا گۇناھلىق بولۇپ قالىمىز.

گۇندا

  • گۇندا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① يوغان، چوڭ؛ قېلىن، ئېغىر، توم:[مىسال:] گۇندا ياغاچ.[يەشمىسى:] ② كونا جەمئىيەتتە گۇناھكارلارنىڭ پۇت-قول ياكى بوينىغا سېلىپ قويۇلىدىغان، يوغان ياغاچتىن ياسالغان ئېغىر جازا قورالى. [يەشمىسى:] ③ كونا جەمئىيەتتە گۇناھكارلارنى سولايدىغان قاماقخانا؛ تۈرمە. [يەشمىسى:] ④ گىلەم دۇكىنىنىڭ ئاستى-ئۈستىگە ئورنىتىلغان توغرا ياغاچ.⑤ جۇۋازنىڭ ياغ چىقىرىلىدىغان قازان شەكىللىك كۆتەك ياغىچى.

گۇندىپاي

  • گۇندىپاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كونا جەمئىيەتتە گۇندىخانا (تۈرمە) ئىشىكىنى باقىدىغان كۆزەتچى. [يەشمىسى:] ② ئۇيغۇر ناخشا-غەزەل، مۇزىكىلىرىنىڭ بىرى (گۇندىپايلار ھەققىدىكى):[مىسال:] گۇندىپاي بىرىنچى. گۇندىپاي ئىككىنچى. * تاشۋاي «گۇندىپاي ئىككىنچى»نى چالماقتا. بۇنى مۇڭلىنىپ ئاڭلاۋاتقان گۇندىپاي كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ، مۇزىكا ئاياغلىشىدۇ.

گۇندىخانا

  • گۇندىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇناھكارلارنى سولايدىغان جاي؛ سولاقخانا، تۈرمە.

گۇۋاھ

  • گۇۋاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ۋەقە-ھادىسە يۈز بەرگەندە نەق مەيداندا بولغان، كۆرگەن كىشى؛ شاھىت:[مىسال:] گۇۋاھ بولماق. * بۈگۈن شۇنچە خالايىق ئاڭلىدى. ھەممىسى گۇۋاھ.[يەشمىسى:] ② سوت ياكى تەرگەۋ ئىشلىرىدا بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىشكە سوت تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى:[مىسال:] گۇۋاھ چاقىرماق. * قەمەروززاماندىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان غەيۇر شاھ بۇ شەرت ۋە جاۋابقا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن، قازىلارنى قىچقىرىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ۋەقە-ھادىسە، شىكايەت، دەۋا، ئەرزىيەت قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلىغۇچى نەرسە؛ ئىسپات، دەلىل:[مىسال:] ئۇنىڭ سالچىلىق ھاياتىغا مۇشۇ سۇ گۇۋاھ.

گۇۋاھچى

  • گۇۋاھچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ۋەقە، ھادىسە يۈز بەرگەن پەيتتە بار بولغان، ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشى، شاھىد:[مىسال:] قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] دېلونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىدىغان ھەمدە كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىلغان كىشى:[مىسال:] ئەنۋەرمۇ گۇۋاھچى سۈپىتىدە ساقچى قورۇسىغا ئېلىپ كېلىندى.

گۇۋاھچىلىق

  • گۇۋاھچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇۋاھچى بولۇش، گۇۋاھلىق بېرىش ھالىتى:[مىسال:] قاراڭغۇ كېچىدە بىر توپ ئادەمنىڭ جاراڭلىق ساداسى جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ گۇۋاھچىلىقى ئاستىدا، تاڭ شامىلى ئارقىلىق پۈتۈن ۋادىغا تارقالغانىدى.

گۇۋاھلىق

  • گۇۋاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسپاتتىن ئۆتۈش، گۇۋاھ بولۇش، شاھىتلىق:[مىسال:] گۇۋاھلىق بەرمەك. گۇۋاھلىقتىن ئۆتمەك. گۇۋاھلىق سۆزى.  خەلقلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن قىز پۈتۈن مال-مۈلكىنى يىگىتكە ھەدىيە قىلىپ بېرىپتۇ.

گۇۋاھنامە

  • گۇۋاھنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر پاكىتنى تەستىقلاش، ئېتىراپ قىلىش ھەققىدە ئىمزا قويۇلغان، تامغا بېسىلغان رەسمىي ھۆججەت؛ گۇۋاھلىق قەغىزى.

گۇئىلدېر

  • گۇئىلدېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گوللاندىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

گۇي

  • گۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «يۇمشاق باش»قا قاراڭ.

گۇيتۇزا

  • گۇيتۇزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] «يۇمشاق باش»قا قاراڭ:[مىسال:] ئەنەيتۇل دېگەن گۇيتۇزا مەندىن گۇمان قىلىپلا كېلىۋاتىدۇ، دېدى ھاجى چايان.

گۆدەك

  • گۆدەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئېمىدىغان، قۇچاقتىن چۈشمىگەن بوۋاق:[مىسال:] مەن بۇ يەرگە ئانامنىڭ قۇچىقىدىكى گۆدەك ۋاقتىمدا كەلگەنىكەنمەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولمىغان، خام، ساددا كىچىك:[مىسال:] سىز تېخى گۆدەك ئىكەنسىز، مۇھەببەتنىڭ قەدىر-قىممىتىگە يەتمەيدىكەنسىز، بېرىپ كىچىك بالىلار بىلەن ياڭاق ئويناڭ.

گۆدەكلەرچە

  • گۆدەكلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۆدەكلەرگە ئوخشاش، گۆدەكلەردەك:[مىسال:] كۈن چىققاندا سىڭىپ كەتكەن تۇماندەك، يوققا چىقتى بۇ باققالنىڭ ئارمىنى. بولۇپ قالدى گۆدەكلەرچە بىر خىيال، ئۇنىڭ تۈزمەك بولغان يېڭى كارۋىنى.

گۆدەكلىك

  • گۆدەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆدەكلەرگە خاس ھەرىكەت، قىلىق، مىجەز:[مىسال:] گۆدەكلىك قىلماق.  مېنى ھېلىمۇ گۆدەكلىك قىلىپ بالىلارچە سۆزلەۋاتىدۇ دەپ قالماڭ. ئۇنداق ئەمەس، مەن چوڭ بولدۇم.

گۆر

  • گۆر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆلۈكنى كۆمۈش ئۈچۈن كولانغان ئورا؛ يەرلىك، قەبرە:[مىسال:] گۆر كولىماق. گۆرگە قويماق. گۆر ئازابى.

گۆرگە ئىتتەرمەك

  • گۆرگە ئىتتەرمەك[يەشمىسى:] بالاغا تىقماق، زىيانكەشلىك قىلماق، قەستلىمەك.

گۆرە

  • گۆرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توپ، دۆۋە.

گۆرە-گۆرە

  • گۆرە-گۆرە[يەشمىسى:] توپ-توپ، دۆۋە-دۆۋە:[مىسال:] گۆرە-گۆرە ئادەم. گۆرە-گۆرە يەل-يېمىش.

گۆرداش

  • گۆرداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر گۆرگە كۆمۈلگەن كىشىلەر (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] قاراڭلار، كۆڭلۈمدە مەن گۆدەك، مەن ياش، ياشلىقىم ھەمىشە مەن بىلەن ئاداش. ھاياتتا ياشلىقىم ياشىدى بىللە، ئۆلسەممۇ ياشلىقىم گۆردە ھەم گۆرداش.

گۆركار

  • گۆركار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قەبرىستاندا گۆر كولاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم.

گۆركارلىق

  • گۆركارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆر كولاش ئىشى، گۆر كولاش مەشغۇلاتى:[مىسال:] گۆركارلىق قىلماق.

گۆرلۈك

  • گۆرلۈك[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گۆر كولانغان، گۆر كولاشقا بولىدىغان:[مىسال:] گۆرلۈك يەر. ئىچ گۆرلۈك.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆر:[مىسال:] گۆرلۈكىدە ياتماق.

گۆرۈ

  • گۆرۈ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قورۇ-جاي، قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ۋاقتىنچە ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش بەدىلىگە چەكلىك مۇددەت بىلەن ئۆسۈمى بار پۇل ئېلىش؛ رەنە:[مىسال:] گۆرۈگە قويماق. گۆرۈ خەت.

گۆرۈخانا

  • گۆرۈخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ نەرسىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ قەرز بېرىدىغان جاي، ئورۇن.

گۆرۈكەش

  • گۆرۈكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] رەنىگە، گۆرۈگە ئالغۇچى كىشى.

گۆرۋەن

  • گۆرۋەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قول تۆگىسىنىڭ ئالدى كۆكسىگە ئاسىدىغان گۈل چەمبىرەك شەكلىدىكى كارۋان بەلگىسى.

گۆرىستان

  • گۆرىستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆلگەن ئادەملەرنى دەپنە قىلىدىغان جاي؛ قەبرىستان.

گۆرىستانلىق

  • گۆرىستانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «قەبرىستانلىق»قا قاراڭ.

گۆسمە

  • گۆسمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] غەيۋەت، شىكايەت، سۆز-چۆچەك.

گۆسمەك

  • گۆسمەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر، بېجىرىم.

گۆسمۈس

  • گۆسمۈس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر، بېجىرىم.

گۆش

  • گۆش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تىرىك ئورگانىزمنىڭ ئىنچىكە توقۇلمىلىرى؛ ئەت:[مىسال:] بۇلجۇڭ گۆش. * گۆش ئەمەس ياكى بەز ئەمەس.[يەشمىسى:] ② سويۇلىدىغان ماللارنىڭ تېنىدىكى ئوزۇق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان قىسمى؛ ئەت:[مىسال:] قوي گۆشى. كالا گۆشى. توخۇ گۆشى.[يەشمىسى:] ③ بەزى مېۋىلەرنىڭ يېيىلىدىغان قىسمى، ئەت.

گۆشەيمەك

  • گۆشەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باشقىلار گەپ سورىسا لام-جىم دېمەستىن جىم بولۇۋالماق، زۇۋان سۈرمەي شۈك ئولتۇرماق:[مىسال:] گۆشىيىپ ئولتۇرماي گەپ قىلساڭچۇ، دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

گۆشتۇل

  • گۆشتۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىزىل گۆش ھالىتىدىكى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن بالا.

گۆشخور

  • گۆشخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گۆش يېيىشكە ئادەتلەنگەن؛ گۆشنى ياخشى كۆرىدىغان، گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان:[مىسال:] گۆشخور ھايۋان.

گۆشخورلۇق

  • گۆشخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆشكە ئامراقلىق.

گۆشسىز

  • گۆشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۆشى يوق، گۆش سېلىنمىغان، گۆش توغرالمىغان:[مىسال:] گۆشسىز تاماق. گۆشسىز قورۇما. گۆشسىز قالماق.

گۆشسىمان

  • گۆشسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۆشتەك، گۆشكە ئوخشايدىغان.

گۆشگىردە

  • گۆشگىردە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۆش+گىردە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] ئىچىگە گۆش قىيمىسىنى سېلىپ يېقىلغان گىردە.

گۆشگىردىچى

  • گۆشگىردىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆشگىردە يېقىپ ساتقۇچى كىشى.

گۆشلەشمەك

  • گۆشلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گۆش تۇتماق، گۆشكە ئايلانماق:[مىسال:] ئۇنىڭ گۈلى گۆشلەشكەن بولۇپ، گۈل رېتى ئوقىنىڭ ئويۇق يېرىگە جايلىشىدۇ.

گۆشلۈك

  • گۆشلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① گۆشى بار، گۆش توغرىغان، گۆش ئارىلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] گۆشلۈك قورۇما. گۆشلۈك پولۇ.[يەشمىسى:] ② گۆش بېرىدىغان، گۆشى جىق، ئەتلىك، سېمىز:[مىسال:] گۆشلۈك قوي. گۆشلۈك كالا. گۆشلۈك توخۇ.

گۆشنان

  • گۆشنان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۆش+نان[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] ئىچىگە گۆش قىيمىسى سېلىپ يېقىلغان نان.

گۆشىيىشمەك

  • گۆشىيىشمەك[يەشمىسى:] «گۆشەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۆش-ياغ

  • گۆش-ياغ[يەشمىسى:] گۆش ھەم ياغ ۋە شۇ خىلدىكى ئوزۇقلۇقلار:[مىسال:] دوكلۇقۇڭ يەتمىگەندەك گۆش-ياغلارنى ئوغرىلىغىنىڭ نېمىسى دېدى ئۇ.

گۆكە

  • گۆكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قارماق.

گۆلەش

  • گۆلەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا دەرھال ئەقلى يەتمەيدىغان، ھاڭۋاقتى، دەلدۈش، گومۇش، گالۋاڭ.

گۆلەيمەك

  • گۆلەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالايماق، ھومايماق:[مىسال:] ئۇ گۆلىيىپ بىر قارىۋالدى-دە، چالۋاقاپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.

گۆلمە

  • گۆلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇغا تىك سېلىنىدىغان، ۋالىبول سېتكىسىغا ئوخشاش تور.

گۆلىيىشمەك

  • گۆلىيىشمەك[يەشمىسى:] «گۆلەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى ئايال مېكىياندەك بىر-بىرىگە بازغىشىپ گۆلىيىشتى.

گۆھەر

  • گۆھەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قىممەت باھالىق تاشلارنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] گۆھەر قازماق. * گۆھەر تۇرىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سېتىۋالغىلى بولمايدىغان، قىممەتلىك، بىباھا؛ ئەزىز:[مىسال:] گۆھەر ماكان. گۆھەر كىتاب.∥گۆھەر بىلمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارىچۇق (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] كۆز گۆھىرى. * شۇ زامان ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپتۇ. كۆز گۆھىرىدىن نۇرلار چېچىلىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

گۆھەرنى تاشقا ئۇرماق

  • گۆھەرنى تاشقا ئۇرماق[يەشمىسى:] ياخشىنى يامانغا، گۈزەلنى سەتكە، يۇمشاقنى قاتتىققا تەڭلەشتۈرمەك؛ ئۆزىنى يامانغا خار قىلماق.

گۆھەرپۇرۇش

  • گۆھەرپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل قىممەت باھالىق، ئېسىل تاشلارنى تونۇيدىغان، ئېلىپ ساتىدىغان ئادەم؛ جاۋاھىرپۇرۇش.

گۆھەرشۇناس

  • گۆھەرشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قىممەت باھالىق تاشلارنى تەتقىق قىلىدىغان، ياخشى بىلىدىغان مۇتەخەسسىس.

گۆھەرشۇناسلىق

  • گۆھەرشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىممەت باھالىق تاشلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن:[مىسال:] شۇنىڭدىن تارتىپ گۆھەرپۇرۇش ئوغلىغا گۆھەرشۇناسلىقتىن تەلىم بېرىپتۇ.

گۆھەرلىك

  • گۆھەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۆھىرى بار، گۆھەرگە ئىگە، گۆھەر چىقىدىغان:[مىسال:] بولسا گەر ئالتۇن-گۆھەرلىك تاغلىرىڭ تاجىم مېنىڭ، سۇلىرىڭ ئابىھاياتتەك، تەنگە جان-دەرمان ئېرۇر.

گۆيەك

  • گۆيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاياللارنىڭ چېچىغا ئاسىدىغان، كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى؛ چاچتەڭگە:[مىسال:] گۆيەك ئاسماق. گۆيەك ياسىماق.[يەشمىسى:] ② ئاپتۇۋىنىڭ بوينىغا چىقىرىلىدىغان ھالقىسىمان گۈل.

گۈپ

  • گۈپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① ئېغىر نەرسىلەرنىڭ باشقا بىر نەرسە يۈزىگە چۈشۈشى، ئۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇنىڭغىچە يان قاشنى «گۈپ» قىلىپ يىقىتقان سۇ يۇپۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناھايىتى تېز، بىراقلا، بىر يولىلا ئىچىپ بولۇش ھالىتى (ئىچىملىك ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ «گۈپ» قىلىپ 100 گراملىق رومكىنى كۆتۈرىۋەتتى.

گۈپپىدە

  • گۈپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «گۈپ» قىلغان ھالدا، «گۈپ» قىلىپ:[مىسال:] ئانا ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، ئوغلىغا ئېسىلدى. بىرى ئۇنى گۈپپىدە تەپتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراقلا، بىر يولىلا، ناھايىتى تېز:[مىسال:] توختى قولىدىكى ھاراقنى گۈپپىدە ئىچىۋەتتى.

گۈپ-گۈپ

  • گۈپ-گۈپ[يەشمىسى:] «گۈپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گۈپۈر

  • گۈپۈر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئاياغ ھەرىكىتىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز؛ دۈپۈر:[مىسال:] «گۈپۈر» قىلماق.

گۈپۈر-غالاپ

  • گۈپۈر-غالاپ[يەشمىسى:] «گۈپۈر» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئېغىل تەرەپتىن «گۈپۈر-غالاپ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ قالدى.

گۈپۈر-گۈپۈر

  • گۈپۈر-گۈپۈر[يەشمىسى:] «گۈپۈر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گۈپۈرلەتمەك

  • گۈپۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «گۈپۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۈپۈرلەشمەك

  • گۈپۈرلەشمەك[يەشمىسى:] «گۈپۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۈپۈرلىمەك

  • گۈپۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۈپۈر-گۈپۈر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «گۈپۈر-گۈپۈر» قىلماق:[مىسال:] بوز ئات گۈپۈرلەپ چاپقان پېتى ئېغىلدىن چىقىپ كەتتى.

گۈپۈلدەتمەك

  • گۈپۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «گۈپۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھاكىم ھاراقنى سوغۇق سۇ ئىچكەندەكلا گۈپۈلدىتىپ ئىچتى.

گۈپۈلدەشمەك

  • گۈپۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «گۈپۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۈپۈلدىمەك

  • گۈپۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۈپ-گۈپ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «گۈپ-گۈپ» قىلماق:[مىسال:] ئابىدەمنىڭ ھەم ئۈمىد، ھەم ئەندىشە بىلەن تولغان يۈرىكى ناغرا چالغاندەك گۈپۈلدەيتتى.

گۈدرەت

  • گۈدرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇمان، شەك، شۈبھە:[مىسال:] شۇ ھامان كۆڭلۈمگە گۈدرەت چۈشتى.

گۈدۈك

  • گۈدۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① سىگنال بېرىلىدىغان تۈرلۈك مېخانىكىلىق قۇرۇلمىلار:[مىسال:] پاراۋۇز گۈدۈكى. زاۋۇت گۈدۈكى.[يەشمىسى:] ② شۇنداق قۇرۇلمىلاردىن چىقىرىلغان ئاۋاز؛ سىگنال:[مىسال:] گۈدۈك بەرمەك. * ئەتىگەنلىكى سائەت ئالتىدىن ئاشقاندا، ئۇنى پاراخوتنىڭ گۈدۈكى ئويغاتتى.

گۈر

  • گۈر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۇشتۇمتۇت، بىردىنلا باشلانغان شىددەتلىك ھەرىكەتتىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] «گۈر» قىلماق. «گۈر» ئۇچماق. «گۈر» قوپماق.

گۈرەن

  • گۈرەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قۇلاقنىڭ ئاستى، قوۋۇزنىڭ ئارقا قىسمى:[مىسال:] گۈرەن تومۇرى. گۈرەن بېزى.

گۈرەنلىك

  • گۈرەنلىك[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گۈرىنى يوغان، گۈرىنى باشقىلاردىن ئۆزگىچە:[مىسال:] بۇ ئىشتا مېنىڭ رولۇم چوڭ، دەيتتى ئوڭ تەرەپتە تۇرغان گۈرەنلىك ئاق سېرىق يىگىت.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] نوختىلارنىڭ گۈرەن بويلاپ باغلىنىدىغان قىسمى؛ تاماقۋاغ.

گۈرجەك

  • گۈرجەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توپا ئۇسۇش، توپا قېزىش، خامان سورۇش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسالغان، ساپلىق سايمان.

گۈررىدە

  • گۈررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گۈر» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «گۈر» قىلىپ:[مىسال:] گۈررىدە ئۇچماق. گۈررىدە ئوت ئالماق.

گۈرزە

  • گۈرزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۇچىغا يۇمىلاق ياكى ئەگرى-بۈگرى تۆمۈر ئورنىتىلغان توقماق؛ ئۇرۇش قورالى:[مىسال:] مېنى دارغا ئاسقاندا، ئاگاھ بول ئۆز ئىشىڭغا. روھىم گۈرزە، ئومۇت بولۇپ، بىر كۈن تېگەر بېشىڭغا.

گۈرزىچى

  • گۈرزىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① گۈرزە ياساپ ساتقۇچى ئادەم. [يەشمىسى:] ② گۈرزە بىلەن قوراللانغان ئادەم.

گۇرس

  • گۇرس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] زەرب، شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان ئېغىر نەرسىدىن چىققان ئاۋاز.

گۈرسسىدە

  • گۈرسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گۈرس» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «گۈرس» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇ كىچىك توقۇلما چاماداننى يۈك-تاق جازىسىغا ئېلىپ قويۇپ، ھېلىقى بوش ئورۇنغا گۈرسسىدە ئولتۇردى.

گۈرس-گۈرس

  • گۈرس-گۈرس[يەشمىسى:] «گۈرس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] «گۈرس-گۈرس» ماڭماق.

گۈرسۈلدەتمەك

  • گۈرسۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «گۈرسۈلدىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بەستلىك، كۈن نۇرى ئوتتەك قىزدۇرۇپ تۇرغان ئېتىزدا ئەتىدىن-كەچكىچە گۈرسۈلدىتىپ كەتمەن چاپىدىغان قاۋۇل دېھقانىدى.

گۈرسۈلدەشمەك

  • گۈرسۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «گۈرسۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۈرسۈلدىمەك

  • گۈرسۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۈرس-گۈرس» قىلماق، «گۈرس-گۈرس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتقان ئادىل گۈرسۈلدەپ دەسسەپ چىقىپ كەتتى.

گۈركىرەتمە

  • گۈركىرەتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «شارقىراتما»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ يەردىن ئۆتسەڭ بىر گۈركىرەتمە كۆرۈنىدۇ، دېدى ئۇ.

گۈركىرەتمەك

  • گۈركىرەتمەك[يەشمىسى:] «گۈركىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۈركىرەشمەك

  • گۈركىرەشمەك[يەشمىسى:] «گۈركىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۈركىرىمەك

  • گۈركىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «گۈر-گۈر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، گۈلدۈرلىمەك:[مىسال:] بىر پەستىن كېيىن گۈركىرىگەن ماشىنا ئاۋازى سۆھبەتنى ئۈزۈپ قويدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋغا ئاچچىق بىلەن ۋارقىراپ سۆزلىمەك، توۋلىماق:[مىسال:] ئۇ ھەممىگە گۈركىرەپ ئاللا-چۇقان سالدى.

گۈر-گۈر

  • گۈر-گۈر[يەشمىسى:] «گۈر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گۈرۈچ

  • گۈرۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شالنىڭ پوستى تازىلانغاندىن كېيىنكى دېنى.

گۈرۈلدەتمەك

  • گۈرۈلدەتمەك[يەشمىسى:] «گۈرۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ تراكتۇرنى گۈرۈلدىتىپ ئېتىزغا قاراپ يول ئالدى.

گۈرۈلدەشمەك

  • گۈرۈلدەشمەك[يەشمىسى:] «گۈرۈلدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئارىلاپ ئاپتوموبىل-تراكتورلار گۈرۈلدىشىپ ئۆتۈشۈپ قالاتتى.

گۈرۈلدىمەك

  • گۈرۈلدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۈر-گۈر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «گۈر-گۈر» قىلماق:[مىسال:] سىرتتا گۈرۈلدەپ شامال چىقماقتا.

گۈزەر

  • گۈزەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شەھەر ۋە بازارلاردىكى سودا-سېتىق كۆپ بولىدىغان، ئوقەتچىلەر مەركەزلەشكەن ئاۋات جاي؛ رەستە.

گۈزەل

  • گۈزەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ناھايىتى كېلىشكەن، چىرايلىق، ھۆسنلىك، نەپىس، كۆركەم:[مىسال:] گۈزەل قىز. گۈزەل مەنزىرە. گۈزەل شەھەر. ∥ پادىشاھنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن، ئالەمدە ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك گۈزەلنى تېپىش تەس ئىكەن.[يەشمىسى:] ② ئېسىل، ياخشى؛ پارلاق:[مىسال:] گۈزەل ئەخلاق.

گۈزەللەشتۈرمەك

  • گۈزەللەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «گۈزەللەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ تەڭرى تېغىنى مۇقەددەس ئانا سىماسىدا ئاجايىپ گۈزەللەشتۈرۈپ سىزغان.

گۈزەللەشتۈرۈشمەك

  • گۈزەللەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «گۈزەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۈزەللەشتۈرۈلمەك

  • گۈزەللەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «گۈزەللەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ يەرگە گۈل تېرىپ، مەكتەپ مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرمەكچى.

گۈزەللەشمەك

  • گۈزەللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گۈزەل ھالەتكە كەلمەك، گۈزەل تۈسكە كىرمەك:[مىسال:] ماي ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن يېزا مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.

گۈزەللىك

  • گۈزەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈزەل كۆرۈنۈش، چىرايلىق ھالەت:[مىسال:] جاھاندا گۈزەللىكنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك.

گۈگۈسۈن

  • گۈگۈسۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھارۋا، ۋېلىسىپىت، موتسىكلىت قاتارلىقلارنىڭ چاقىغا بېكىتىش ئۈچۈن ياغاچ، مېتالدىن مەخسۇس ياسالغان چوكا شەكىللىك سايمان:[مىسال:] گۈگۈسۈن سالماق. گۈگۈسۈن چىڭىتماق. گۈگۈسۈننى يېڭىلىماق.

گۈگۈسۈنلۈك

  • گۈگۈسۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۈگۈسۈنى بار، گۈگۈسۈن ئورنىتىلغان:[مىسال:] گۈگۈسۈنلۈك چاق.

گۈڭگۈرت

  • گۈڭگۈرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتاللوئىد ئېلېمېنت. بەلگىسى .(sulphur)S سۇس سېرىق كرىستال ماددا. سۇلفات كىسلاتاسى، پۇرۇخ، سەرەڭگە، گۈڭگۈرتلۈك كاۋچۇك ۋە ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا قاتارلىقلارنى ئىشلەشتە، ئۇنىڭدىن باشقا تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

گۈڭگۈرتلەشتۈرمەك

  • گۈڭگۈرتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «گۈڭگۈرتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گۈڭگۈرتلەشتۈرۈلمەك

  • گۈڭگۈرتلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «گۈڭگۈرتلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گۈڭگۈرتلەشمەك

  • گۈڭگۈرتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] خام كاۋچۇك، گۈڭگۈرت ۋە كۆمۈر قارىسى قاتارلىق تولدۇرغۇچىلار قاچىغا سېلىنىپ، يۇقىرى بېسىملىق پار ئارقىلىق قىزدۇرۇلغاندىن كېيىن، خىمىيىۋى رېئاكسىيە ھاسىل قىلىپ گۈڭگۈرتلۈك كاۋچۇكقا ئايلانماق.

گۈڭگۈرتلەنمەك

  • گۈڭگۈرتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۈڭگۈرتلەشمەك»كە قاراڭ.

گۈڭگۈرتلۈك

  • گۈڭگۈرتلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە گۈڭگۈرت بار، گۈڭگۈرت ئارىلاشقان، گۈڭگۈرت قوشۇلغان:[مىسال:] گۈڭگۈرتلۈك كاۋچۇك. گۈڭگۈرتلۈك بوياق. گۈڭگۈرتلۈك ئارىشاڭ.

گۈڭگۈرمەن

  • گۈڭگۈرمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] خېمىر ئادەتتىكىدىن توم سوزۇلۇپ تەييارلانغان لەڭمەن.

گۈل

  • گۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسلىق كۆپىيىش ئورگىنى. گۈل تاجى ياپراقچىسى، گۈل كاسىسى، گۈل تەگلىكى ۋە ئاتىلىق ھەم ئانىلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. رەڭگى ھەرخىل بولىدۇ. بەزىلىرى ناھايىتى چىرايلىق، يەنە بەزىلرى خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ:[مىسال:] ئاتىلىق گۈل. ئانىلىق گۈل.[يەشمىسى:] ② زىننەت ئۈچۈن تېرىلىدىغان ئۆزى ئۆسىدىغان گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر؛ چېچەكلەر:[مىسال:] ئەتىرگۈل. قىزىل گۈل. جۇخار گۈل.[يەشمىسى:] ③ شۇنداق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈزۈۋېلىنغان ھاسىلى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ياسالغان زىننەت بۇيۇمى:[مىسال:] گۈل تۇتماق. گۈل سوۋغا قىلماق. گۈل ئۈزمەك.  ئەكبەر قىزغا قارىدى، قىز ئۇنىڭ قوللىرىدىكى ئېتىز گۈللىرىنى ئالدى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسىگە سىزىپ، تىكىپ، بېسىپ ياكى ئويۇپ چۈشۈرۈلگەن بېزەك، نەقىش:[مىسال:] گۈل باسماق. گۈل ئىشلىمەك. گۈل چىقارماق.[يەشمىسى:] ⑤ تەۋەلىكⅢشەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ 1) «ئالدى»، «سەركىسى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قىز بالا ئۆينىڭ گۈلى (ماقال). * ھېزىم: 30 ئوغۇلنىڭ گۈلى بىز شاڭيۇ ئاكا-دېدى. 2) قىزلارنىڭ ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ:[مىسال:] گۈلى، قاچان كەلدىڭ[يەشمىسى:] ⑥ قىزلارنىڭ ئىسمى تەركىبىدە كېلىدۇ:[مىسال:] ئارزۇگۈل. گۈلبوستان.

گۈل كەلتۈرمەك

  • گۈل كەلتۈرمەك[يەشمىسى:] راسا كېلىشتۈرمەك، تازا قاملاشتۇرماق:[مىسال:] گۈلچەمخان، خۇدايىم قوللىرىغا دەرد بەرمىسۇن، نېمىدېگەن ئوخشىغان ئاش بۇ، دېدى ئايسىخان يېنىدىن ئورۇن كۆرسىتىپ، گۈل كەلتۈرۈۋېتىپلا، توي قىلساق ئاشنى سىلىگە ئەتكۈزسەك بولغۇدەك.

گۈلى گۈلىگە كەلمەك

  • گۈلى گۈلىگە كەلمەك[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ماس، جاي-جايىغا چۈشمەك، قىلىنغان ئىش، نەرسە تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماق.

گۈلىنى قىسماق

  • گۈلىنى قىسماق[يەشمىسى:] ھالاۋىتىنى، مېۋىسىنى كۆرمەك.

گۈلە

  • گۈلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. .[يەشمىسى:] ئۆرۈك مېۋىسىنىڭ قۇرۇتۇلغىنى، ئۆرۈك قېقى.

گۈلەپشان

  • گۈلەپشان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەر خىل گۈل نۇسخىلار بىلەن نەقىشلەنگەن؛ نەقىشلىك:[مىسال:] شاھنىڭ ھەرەمخانىسى بىلەن چارباغنى ئايرىپ تۇرىدىغان گۈلەپشان دەرۋازا، يىراقتا ئوردىنىڭ، مەسچىتلەرنىڭ پەشتاقلىق مۇنارلىرى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

گۈلەش

  • گۈلەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۆرەلمە، ھۇرۇن.

گۈلە-قاق

  • گۈلە-قاق[يەشمىسى:] گۈلە ھەم قاق، قاق تىپىدىكى قۇرۇتۇلغان مېۋە-چېۋە.

گۈلەڭ

  • گۈلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەريالارنىڭ چۆرگىلەپ، ئاقماي تۇرۇۋالىدىغان يەرلىرى؛ قاينام.

گۈلئەنبەر

  • گۈلئەنبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆكۈچ سۆسۈن، ئاچ قىزىل ياكى ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. كۆرۈنۈشى ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئىسسىقنى بېسىش، ئاغرىق توختىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش رولى بار.

گۈلبوغۇن

  • گۈلبوغۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+بوغۇن[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سۇس سۆسۈن قىزىل، مېۋىسى قاتتىق مېۋە، رومبا شەكىللىك. غول، يوپۇرماق ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ. ھەيزنى تەڭشەش، قاننى جانلاندۇرۇش، تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىش رولى بار.

گۈلبىنەپشە

  • گۈلبىنەپشە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+بىنەپشە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىنەپشە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى غوزا مېۋە. غول، يوپۇرماق، مېۋىلىرى دورا قىلىنىدۇ. غەلۋىرەك، چىيقان، چاشقانيارىسى قاتارلىق كېسەللەرگە داۋا بولىدۇ.

گۈلچاڭ

  • گۈلچاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+چاڭ[[يەشمىسى:] باشلىقى ۋە قونچىغا ھەر خىل گۈل چىقىرىپ، كەشتىلەپ، ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس تىكىلگەن بىر خىل نەپىس ئاياغ كىيىمى؛ مەسە.

گۈلچەمبىرەك

  • گۈلچەمبىرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+چەمبىرەك[[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ھەر خىل رەڭلىك قەغەزلەردىن چەمبىرەك شەكلىدە ياسالغان گۈل تىزمىسى:[مىسال:] گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلماق.

گۈل-چېچەك

  • گۈل-چېچەك[يەشمىسى:] گۈل ھەم چېچەك.

گۈلچى

  • گۈلچى[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گۈل ئۆستۈرىدىغان، گۈل ئۆستۈرۈپ ساتىدىغان:[مىسال:] گۈلچى قىز. گۈلچى موماي.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈل ئۆستۈرىدىغان، گۈل ئۆستۈرۈپ ساتىىغان كىشى، گۈل ئۆستۈرۈش ماھىرى:[مىسال:] گۈلچى باغقا ھەر خىل گۈللەرنى تېرىپتۇ.

گۈلچىلىك

  • گۈلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈل ئۆستۈرۈپ، سېتىش ئىشى؛ گۈل سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىشى:[مىسال:] گۈلچىلىك تېخنىكىسى. گۈلچىلىك ماھارىتى.

گۈلچىمەن

  • گۈلچىمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+چىمەن[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاشيارغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. گۈللىرى توپلىشىپ گۈمبەز شەكلىدىكى گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، گۈل كاسىسىنىڭ دەسلەپكى رەڭگى سۇس قىزىل، كېيىنرەك كۆككە ئۆزگىرىدۇ. كۆرۈنۈشى ئىنتايىن گۈزەل، مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ بىرى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى. [يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

گۈلخان

  • گۈلخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىسسىنىش ياكى يورۇتۇش، بەلگە بېرىش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئوتۇن سېلىپ ئوچۇقچىلىقتا قالانغان ئوت.

گۈلخانا

  • گۈلخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەخسۇس سېتىش ئۈچۈن گۈل ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆي. [يەشمىسى:] ② گۈل سېتىلىدىغان دۇكان.

گۈلخەيرى

  • گۈلخەيرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] غولى باراقسان، گۈلى چوڭ بولغان بىر خىل مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ۋە شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

گۈلدار

  • گۈلدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يۈزىگە گۈل ۋە نەقىش قىلىنغان، گۈللۈك:[مىسال:] گۈلدار كىگىز. گۈلدار خۇرجۇن. گۈلدار ئىشكاپ.

گۈلدان

  • گۈلدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گۈل سېلىپ قويىدىغان قاچا؛ لوڭقا.

گۈلدەستە

  • گۈلدەستە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+دەستە[[يەشمىسى:] تاللاپ، رەتلەپ، دەستىلەپ باغلانغان گۈل توپى:[مىسال:] گۈلدەستە تىزماق. گۈلدەستە تەقدىم قىلماق.

گۈلدۈر

  • گۈلدۈر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چوڭ، ئېغىر نەرسىلەرنىڭ ئېگىزدىن پەسكە چۈشۈشى، ئۆرۈلۈشى ياكى بۇلۇت قاتلاملىرىنىڭ قاتتىق سۈركىلىشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] «گۈلدۈر» قىلماق. * ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق.

گۈلدۈراس

  • گۈلدۈراس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كۈچلۈك، داۋاملىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز:[مىسال:] گۈلدۈراس ئالقىش. گۈلدۈراس سادا.

گۈلدۈر-تاراق

  • گۈلدۈر-تاراق[يەشمىسى:] «گۈلدۈر»ھەم «تاراق»قىلغان ئاۋازلار.

گۈلدۈر-غاراس

  • گۈلدۈر-غاراس[يەشمىسى:] «گۈلدۈر-غالاپ»قا قاراڭ.

گۈلدۈر-غالاپ

  • گۈلدۈر-غالاپ[يەشمىسى:] «گۈلدۈر» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئانا گۈلدۈر-غالاپ، تاراق-تۇرۇقتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.

گۈلدۈر-قاراس

  • گۈلدۈر-قاراس[يەشمىسى:] «گۈلدۈر»، «قاراس» قىلغان ئاۋازلار.

گۈلدۈر-گۇمپاڭ

  • گۈلدۈر-گۇمپاڭ[يەشمىسى:] «گۈلدۈر» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

گۈلدۈر-گۈلدۈر

  • گۈلدۈر-گۈلدۈر[يەشمىسى:] «گۈلدۈر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گۈلدۈرلەتمەك

  • گۈلدۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «گۈلدۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دۇمباقلار ئاۋازى پۈتكۈل دالىنى گۈلدۈرلەتمەكتە ئىدى.

گۈلدۈرلەشمەك

  • گۈلدۈرلەشمەك[يەشمىسى:] «گۈلدۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گۈلدۈرلىمەك

  • گۈلدۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۈلدۈر» قىلغان ئاۋاز چىقماق، «گۈلدۈر» قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئىشىكنىڭ بىردىن گۈلدۈرلەپ ئېچىلىشىدىن چۆچۈپ كارىۋاتتىنقاڭقىپ تۇرۇپ كەتتى.

گۈلدۈرماما

  • گۈلدۈرماما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتتىن ھاسىل بولىدىغان بىر خىل تەبىئەت ھادىسىسى. يەنى بۇلۇت قاتلاملىرى ئارىسىدا، بۇلۇت بىلەن يەر ئارىسىدا ياكى بۇلۇت بىلەن ھاۋا ئارىسىدا ئېلېكتر پوتېنسىئال پەرقى ئېشىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە، كۈچلۈك زەرەت (چاقماق) ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. زەرەت قويۇپ بېرىلگەن مۇساپىدا ھاۋا كۈچلۈك قىزىپ، سۇ تامچىلىرى چاپسان پارلىنىدۇ، ھەجمى جىددىي كېڭىيىپ، پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياكى مۆلدۈر ئارىلىشىپ كېلىدۇ.

گۈلدۈرمامىلىق

  • گۈلدۈرمامىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۈلدۈرماما پەيدا بولغان، گۈلدۈرماما قاپلىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردىن كېيىنكى «غۇر-غۇر» شامالدەك ئايۋان ئىچىنى ئارىلىدى.

گۈلدۈرمە

  • گۈلدۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېرىق، ئۆستەڭلەردىكى سۇنىڭ ئېگىزدىن پەسكە چۈشىدىغان جايى؛ كىچىك شارقىراتما.

گۈلزار

  • گۈلزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] گۈل ئۆستۈرۈلگەن، گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغان جاي، گۈللۈك، چىمەنزار.

گۈلزارلىق

  • گۈلزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل گۈللەر بىلەن قاپلانغان، گۈل كۆپ ئوستۈرۈلگەن جاي، گۈللۈك.

گۈلسامساق

  • گۈلسامساق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+سامساق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەڭگىچە غولى شار شەكلىدە، ئاق ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك. گۈلى ۋارونكا شەكىللىك، رەڭگى ئاق. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. تەڭگىچە غولىنى يېيىشكە بولىدۇ، جۇڭيىدا دورا قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تەڭگىچە غولى.

گۈلسۇرۇخ

  • گۈلسۇرۇخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+سۇرۇخ[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «قىزىلگۈل»گە قاراڭ.

گۈلسۆسەر

  • گۈلسۆسەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+سۆسەر[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چىغىرتماقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى شەمشەر شەكىللىك، گۈلى چوڭ، قىزىل ياكى سېرىق بولىدۇ، غوزىلىق مېۋە تۇتىدۇ. مېۋىسى سوقىچاق بولىدۇ. ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئافرىقا. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

گۈلسىز

  • گۈلسىز[يەشمىسى:] سۈپەت. گۈلى يوق ياكى گۈلى يوشۇرۇن بولغان:[مىسال:] گۈلسىز ئۆسۈملۈكلەر.

گۈلشەن

  • گۈلشەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① گۈلزار، چىمەنزار، گۈللۈك، چىمەنلىك:[مىسال:] باغۇبوستان ئىچىدە يايرىسۇن كۆڭۈل. قانات قېقىپ گۈلشەندە، سايرىسۇن بۇلبۇل. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

گۈلشىۋاق

  • گۈلشىۋاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+شىۋاق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپيىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ ئالدى يۈزى يېشىل، كەينى ئاقۇچ كۈل رەڭ بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى نەيسىمان، رەڭگى سارغۇچ، بىر ئاز سۆسۈن سىزىقلىرى بار، مېۋىسى ئورۇق مېۋە. يول بويى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قان توختىتىش رولىغا ئىگە.

گۈل-غۇنچە

  • گۈل-غۇنچە[يەشمىسى:] گۈل ۋە غۇنچە.

گۈلقات

  • گۈلقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+قات[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك چاتقال. غولى ياماشقۇچى غول، غولىدا ئىلمەك تىكەنلىرى بار، گۈلى ئاق رەڭلىك، پۇراقلىق كېلىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

گۈلقەقە

  • گۈلقەقە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەددىدىن ئارتۇق خۇشاللىق، شادلىق، شاد-خۇراملىق:[مىسال:] گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان ئاجايىپ يېقىملىق سايرايدىغان، چىرايلىق بىر خىل قۇشنىڭ نامى.

گۈلقەنت

  • گۈلقەنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قىزىلگۈل ۋە شېكەردىن تەييارلىنىدىغان بىر خىل مەلھەم. ئادەتتە دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

گۈلقىيار

  • گۈلقىيار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+قىيار[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چايئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك، مېۋىسى غوزا مېۋە، ئۇرۇقى ئىنچىكە، ئۇچىدا ئۇزۇن تۈكچىلىرى بار. ھەممە يېرى دورا قىلىنىدۇ.

گۈل-گۈلىستان

  • گۈل-گۈلىستان[يەشمىسى:] ھەممە ياقنى يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، گۈل-چېچەككە ئورالغان، باغ-بوستانغا ئايلانغان جاي، گۈلزار.

گۈل-گۈلىستانلىق

  • گۈل-گۈلىستانلىق[يەشمىسى:] ھەممە ياقلىرى يېشىللىق قاپلىغان، گۈل-چېچەككە ئورالغان، باغ-بوستانغا ئايلانغان ماكام؛ گۈلزارلىق.

گۈلگۈم

  • گۈلگۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زەپىران.

گۈلگۈن

  • گۈلگۈن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قىزىل:[مىسال:] ساقىيا كەلتۈر مەيىي گۈلگۈننى خۇش دەمدۇر بۈگۈن، بارچىدىن مەجلىستە مەي ئەھلى مۇقەدەمدۇر بۈگۈن. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گۈلدەك ياشنىغان، چىرايلىق، گۈزەل:[مىسال:] گۈلگۈن چىراي. * بالامنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋېلىشنى، ئۇنىڭ ئۆز ئەجرىدىن رازى بولۇپ كۈلگەن گۈلگۈن چىرايىنى كۆرۈۋېلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم.

گۈل-گىياھ

  • گۈل-گىياھ[يەشمىسى:] گۈل ۋە گىياھ.

گۈل-گىياھسىز

  • گۈل-گىياھسىز[يەشمىسى:] گۈل ۋە گىياھ ئۈنمىگەن، گۈل-گىياھ يوق:[مىسال:] گۈل-گىياھسىز چۆل. گۈل-گىياھسىز دەشت.

گۈللەتمەك

  • گۈللەتمەك[يەشمىسى:] «گۈللىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار باغۋەنچىلىك ۋە مېۋىزارلىقنى گۈللەتكەن. 70 نەچچە خىل مېۋىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تېپىپ چىققان.

گۈللەنمەك

  • گۈللەنمەك[يەشمىسى:] «گۈللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] لوقمان بىلەن بۇھەجەرنىڭ شەھەردىكى گىلەمچىلىك ھۈنىرى يېڭىۋاشتىن گۈللىنىپ كېتىپتۇ.

گۈللۈك

  • گۈللۈك[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گۈلى بار، گۈل چۈشۈرۈلگەن، گۈلدار:[مىسال:] گۈللۈك رەخت. گۈللۈك چىت. گۈللۈك چىنە. گۈللۈك ئىشكاپ. گۈللۈك ياغلىق.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈل تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن جاي، گۈلزار:[مىسال:] پەرىدە جاۋاب ئورنىدا كۈلۈپلا قويدى. ئۇلار ئەمدى ياندىكى گۈللۈككە سۈرۈلدى.

گۈللىمەك

  • گۈللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① گۈل بولۇپ ئېچىلماق، چېچەكلىمەك، گۈلگە ئايلانماق:[مىسال:] تېخى ئۆزى پىشماستىنلا ئۇرۇقلايدۇ، گۈلى توزۇسىمۇ، يەنە غۇنچىسى گۈللەيدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] راۋاجلىنىپ تەرەققىي قىلماق، ئىلگىرى باسماق، روناق تاپماق، ياشنىماق:[مىسال:] مانا ئەمدى گۈللەش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.

گۈلمە

  • گۈلمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېگەر قاپتىلىنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆلىمى قاپتالدىن سەل چوڭراق كىگىز توقۇم؛ جەزلىك.

گۈلنار

  • گۈلنار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئانارگۈل. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

گۈلناز

  • گۈلناز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۇياتچانئوت. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

گۈلنەپشە

  • گۈلنەپشە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]گۈل+نەپشە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] رۇخسارگۈل.

گۈلئۇزار

  • گۈلئۇزار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] گۈل يۈز، گۈل چىراي:[مىسال:] خەير خوش، دەردمەن دادا، غەمگۈزارىم ياخشى قال. كۆزلىرىم ئاقۇقاراسى، گۈلئۇزارىم ياخشى قال.

گۈلىچى

  • گۈلىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر تۈرى.

گۈلىستان

  • گۈلىستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① گۈللىگەن، ياشنىغان، گۈل-گىياھ، باغۇ بوستان بىلەن قاپلانغان يەر، ئاۋات جاي.

گۈلىستانلىق

  • گۈلىستانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈللەنگەن، گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغان جاي.

گۈليار

  • گۈليار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① گۈزەل يار؛ جانان. [يەشمىسى:] ② يار، جانان شەنىگە ئېيتىلىدىغان شېئىر، قوشاق نامى:[مىسال:] ئۇلار «گۈليار»نى ئېيتىپ توي بولۇۋاتقان قورۇغا كىرىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

گۈليەسىمەن

  • گۈليەسىمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى كىچىك، قېنىق قىزىل ياكى ئاق رەڭلىك بولۇپ، ئورىغۇچى يوپۇرماقلىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

گۈم

  • گۈم[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مىلتىق، تاپانچا قاتارلىقلارنىڭ ئېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] «گۈم»قىلماق.

گۈمبە

  • گۈمبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۈملەنگەن قىغ دۆۋىسى.

گۈمبەز

  • گۈمبەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قۇببە يەنى قازان شەكلىدە ياسالغان قۇرۇلما، قۇببە تەقلىدىدىكى نەرسە.

گۈمبەزچىلىك

  • گۈمبەزچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۈمبەز ياساش ئىشى، سەنئىتى:[مىسال:] مەقبەرە گۈمبەزچىلىكى تاجىكلاردا ھېلىمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قەبرىچىلىك ئادىتى.

گۈمبەزسىمان

  • گۈمبەزسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۈمبەزگە ئوخشاش، گۈمبەز شەكىللىك:[مىسال:] گۈمبەزسىمان جازا.

گۈمبەزلىك

  • گۈمبەزلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گۈمبىزى بار، گۈمبەز چىقىرىپ ئىشلەنگەن:[مىسال:] گۈمبەزلىك ئىمارەت.

گۈمبۈر

  • گۈمبۈر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پارتلاش ياكى ئېگىز تاملارنىڭ ئۆرۈلۈشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

گۈمبۈر-گۈمبۈر

  • گۈمبۈر-گۈمبۈر[يەشمىسى:] «گۈمبۈر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گۈمبۈرلەتمەك

  • گۈمبۈرلەتمەك[يەشمىسى:] «گۈمبۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوتنى يېقىپ شوخ يىگىتلەر تېزدىن مۆكىشەر، گۈمبۈرلىتىپ ئېگىز تاغنى بەلدىن ئۈزىشەر.

گۈمبۈرلەشمەك

  • گۈمبۈرلەشمەك[يەشمىسى:] «گۈمبۈرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بولدى تاغلار گۈمبۈرلىشىپ يىقىلغاندەك، كۆك ئاسماندا گويا چاقماق چېقىلغاندەك.

گۈمبۈرلىمەك

  • گۈمبۈرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گۈمبۈر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «گۈمبۈر» قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ قۇلىقىغا گۈمبۈرلىگەن داقا-دۇمباقنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى.

گۈم-گۈم

  • گۈم-گۈم[يەشمىسى:] «گۈم» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گۈممىدە

  • گۈممىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گۈم» قىلغان ھالدا، «گۈم» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ ئورنىدىن ئەمدى تۇرۇشىغا گۈممىدە قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى-دە، يەنە ئۆزىنى يەرگە ئاتتى.

گۈمۈرەڭگۈ

  • گۈمۈرەڭگۈ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «كۆمۈرەڭگۈ»گە قاراڭ:[مىسال:] گۈمۈرەڭگۈ دەرۋازا. گۈمۈرەڭگۈ زال.

گۈمۈرۈلمەك

  • گۈمۈرۈلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئويۇلۇپ چۈشۈپ كەتمەك، كۆمتۈرۈلمەك، ئولتۇرۇشماق، ئۈزۈلمەك:[مىسال:] سۈپۈرگىئاخۇن مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقىنىدا دادىسى قۇدۇق گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن سەۋەب بىلەن قازا تاپتى.

گۈن

  • گۈن[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] نۇر، قۇۋۋەت (كۆز نۇرى ھەققىدە):[مىسال:] كۆزىنىڭ گۈنى يوق.[يەشمىسى:] ② سۈپەت.[يەشمىسى:] تېرەن، چوڭقۇر.

گۋاردىيە

  • گۋاردىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىدا مۇناخ، پادىشاھنىڭ لەشكەر باشلىقى ۋە خۇسۇسىي ساقچىلىرى نامى؛ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن قوشۇننىڭ خىللانغان، چېنىققان، مۇنتىزىم قىسمى. شۇنداق ئاتالغان.

گېپارىن

  • گېپارىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىدىكى قاننىڭ ئۇيۇشىنى توسۇش رولىنى ئوينايدىغان ماددا. جىگەردە مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆپكە، بۆرەك، ئۈچەي قاتارلىقلاردىمۇ بولىدۇ.

گېتزال

  • گېتزال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۋاتېمالانىڭ پۇل بىرلىكى.

گېدە

  • گېدە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۈدۈر، بۇجۇغۇر.

گېرەم

  • گېرەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يەر ئاستىغا سېلىنغان كېمىر ئۆي. [يەشمىسى:] ② بىنالارنىڭ يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيى. ئادەتتە كۆپ قەۋەتلىك بىنالارنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

گېرب

  • گېرب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>پولەكچە[[يەشمىسى:] دۆلەت، شەھەر، تەبىقە، ئۇرۇق قاتارلىقلارنىڭ بايراق، پۇل، تامغىلىرىغا چۈشۈرۈلىدىغان بەلگىسى:[مىسال:] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى.

گېرتس

  • گېرتس[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] چاستوتا بىرلىكى، يەنى بىر سېكۇنتتا بىر قېتىم تەۋرەنسە بىر گېرتس بولىدۇ، بىر سېكۇنتتا 10مىڭ قېتىم تەۋرەنسە، 10 مىڭ گېرتس بولىدۇ. بۇ نام گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى گېرتس (Heinrich Hertz) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن.

گېرتسوگ

  • گېرتسوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] غەربىي ياۋروپادا يۇقىرى تەبىقىدىكى ئەمەلدار، كىنەزلەرگە بېرىلىدىغان ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئادەم.

گېركۇلېس

  • گېركۇلېس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] شىمالىي ئاسمان يۇلتۇز تۈركۈملىرىدىن بىرى. مەركىزىي ئورنى: ئېكۋاتور ئۇزۇنلۇقى 17 سائەت 20 مىنۇت، ئېكۋاتۇر كەڭلىكى 32°؛ يەنى ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇ شىمالىي تاج يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى ئارىسىدىكى چوڭ يۇلتۇز تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ.

گېرمان

  • گېرمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ① مەركىزىي، غەربىي جەنۇبىي ياۋروپادا ياشىغان قەدىمىي قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامى. [يەشمىسى:] ② نېمىسلار.

گېرمانىي

  • گېرمانىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى .(germanium)Ge كۈل رەڭ، پارقىراق ۋە چۈرۈك كېلىدۇ. ئۇ تاق يۆنىلىشلىك توك ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مۇھىم يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بولۇپ، تەبىئەتكە ناھايىتى ئاز تارقالغان.

گېزەرمە

  • گېزەرمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «بىزەڭ»گە قاراڭ:[مىسال:] ھۇ، يۈزى قېلىن گېزەرمە، دەپ تىللىدى ئۇ.

گېزەرمەك

  • گېزەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىزەڭلىك، قېلىنلىق قىلماق:[مىسال:] ئىش قىلىپ كۆڭلۈڭلەرگە خۇدايىم ئىنساپ بەرسۇن بالام-موماينىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى، -بۇ يەرگە گېزىرىپ كېلىۋېرىدىغانغا مەنمىغۇ ئاشىق ئەمەس.

گېزەكⅠ

  • گېزەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مېھمانلار ئۈچۈن داستىخانغا تىزىلىدىغان قەنت، ناۋات، كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق-تۇرۇم يېمەكلىكلەر؛ قەنت-گېزەك.

گېزەكⅡ

  • گېزەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۆۋەت، تەرتىپ.

گېزەكچى

  • گېزەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۆۋەتچى.

گېزەكچىلىك

  • گېزەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۆۋەتچىلىك.

گېزەك-گېزەك

  • گېزەك-گېزەك[يەشمىسى:] نۆۋەت بىلەن، نۆۋەتلىشىپ:[مىسال:] گېزەك-گېزەك كەلمەك. گېزەك-گېزەك ئىشلىمەك.

گېزەكلەشتۈرمەك

  • گېزەكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «گېزەكلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گېزەكلەشمەك

  • گېزەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نۆۋەت بىلەن قىلماق، نۆۋەتلەشمەك:[مىسال:] گېزەكلىشىپ ئىشلىمەك.

گېزەكمۇگېزەك

  • گېزەكمۇگېزەك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] نۆۋەتمۇنۆۋەت، ھەر نۆۋەتتە.

گېزەندە

  • گېزەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە نەرسىلەرنى چاقىدىغان، زەھەرلەيدىغان بىر خىل زىيانداش جانلىقلار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] كاللىكېسەر، ئۆتۈپ كەتكەن ياۋۇز دۈشمەن:[مىسال:] ئۇ «ياپىر، مەكتىپىمىز راستتىنلا گېزەندىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قاپتىكەنغۇ» دەپ چۆچۈپ كەتتى.

گېزىت

  • گېزىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋەرلەرنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدىغان ئەركىن بەتلىك، قەرەللىك نەشر بۇيۇمى. ئادەتتە كۈندىلىك گېزىت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

گېزىتچى

  • گېزىتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گېزىت تارقىتىدىغان ياكى گېزىت ساتىدىغان كىشى.

گېزىتچىلىك

  • گېزىتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گېزىت نەشر قىلىش، گېزىت چىقىرىش پائالىيىتى.

گېزىتخانا

  • گېزىتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] گېزىت ماتېرىياللىرىنى يىغىش، تەھرىرلەش ۋە نەشر قىلىش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن، ئىدارە.

گېزىت-ژۇرنال

  • گېزىت-ژۇرنال[يەشمىسى:] گېزىت ۋە ژۇرنال.

گېزىرىشمەك

  • گېزىرىشمەك[يەشمىسى:] «گېزەرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گېستاپو

  • گېستاپو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] گىتلېرچىلار گېرمانىيىسىدىكى فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى قانلىق باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يوشۇرۇن دۆلەت ساقچىسى.

گېستاپوچى

  • گېستاپوچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] گېستاپودا خىزمەت قىلىدىغان فاشىست.

گېكتار

  • گېكتار[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى 10 مىڭ كۋادرات مېتىرغا تەڭ مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى.

گېكتوكراف

  • گېكتوكراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] تۈز بەت باسمىسىدىن بىرى بولۇپ، رەڭلىك باسما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېنكىغا (تۈز مېتال تاختىغا) ئېلىنغان رەسىم ۋە تېكىست خەتلىرىدىكى ماي بوياقنى كاۋچۇك لاتىغا ئورالغان باسما تولۇقنىڭ ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ قەغەز يۈزىگە بېسىش ئۇسۇلى، كاۋچۇك لاتىنىڭ ئېلاستىكىلىقى بولغاچقا بۇ ئارقىلىق ئىنچىكە رەسىم ۋە خەتلەرنى ئېنىق بېسىشقا بولىدۇ.

گېكتوگرام

  • گېكتوگرام[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى 100 گرامغا تەڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى.

گېكتولىتىر

  • گېكتولىتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+فران[[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى 100 لىتىرغا تەڭ سىغىم ئۆلچەم بىرلىكى.

گېكتومېتىر

  • گېكتومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+فران[[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسىدىكى 100 مېتىرغا تەڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.

گېگساخلوران

  • گېگساخلوران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C6H6Cl6. ئاق رەڭلىك ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك پاراشۇك. تەمى ئاچچىق، سۇدا ئېرىمەيدۇ، ئىسپىرت ۋە كىرسىندە ئېرىيدۇ. ئۇ بىر خىل ئىشلىتىلىشى بەك كەڭ بولغان قۇرت ئۆلتۈرگۈچى دورىدۇر.

گېگىلچىلىق

  • گېگىلچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە پەيلاسوپى گېگىل كانت، فىشت ۋە شېللىڭلارنىڭ پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ياراتقان، ئەينى زاماندىكى ياۋروپا پەلسەپە تارىخىدا ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزم سىستېمىسى. ئۇنىڭدا ئالەم بىنا بولۇشتىن ئىلگىرى بىر خىل «مۇتلەق روھ» مەۋجۇت بولغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەممە مەۋجۇدىيەتلەر ئۇنىڭ ئىپادىسى ياكى ئۇنىڭدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگەن قاراش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

گېگىلىزم

  • گېگىلىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] «گېگىلچىلىق»قا قاراڭ.

گېگىلىزملىق

  • گېگىلىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گېگىلىزمغا ئائىت، گېگىلىزمغا ئاساسلانغان:[مىسال:] ئۇلار يا بۇ نۇقتىغا تامامەن سەل قارايدۇ، يا بۇ ئىنگلىسنىڭ «گېگىلىزملىق كېسىلى» دەپ ھېسابلايدۇ.

گېلاۋ

  • گېلاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ جيەنشى، جىجىن، زۈنيى، رېنخۇەي قاتارلىق ناھىيىلىرىگە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ لوڭلىن ۋە يۈننەنئۆلكىسىنىڭ ۋېنشەن قاتارلىق رايونلىرىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئاھالىسى 20 مىڭدىن ئاشىدۇ. كۆپچىلىكى خەنزۇ تىلى ۋە سانى كۆپرەك بولغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. بىر قىسمى ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدۇ.

گېلاۋچە

  • گېلاۋچە[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گېلاۋلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] گېلاۋچە ئادەت. گېلاۋچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] گېلاۋ تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] گېلاۋچىنى ئۆگەنمەك.

گېلاۋخۇي

  • گېلاۋخۇي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] باڭخۇي تەشكىلاتىنىڭ بىر خىلى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى شەھەر-يېزىلاردىكى كۆچمەنلەردىن تەركىب تاپقان. دەسلەپتە ئۇلار چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئاڭلىقلىقىغا ئىگە بولۇپ، كېيىن پارچىلىنىپ ئوخشىمىغان مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئاخىرىدا ئەكسىيەتچى كۈچلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىلىپ كېتىلگەن.

گېلەك

  • گېلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يۇڭى ئۈچ سانتىمېتىردىن قىسقا تېرە.گ

گېرمان

  • گېرمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ① مەۇلا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. غولى يۆگىمەچ، يوپۇرمىقى تۇخۇم ياكى تۆمۈنە شەكلىدە، گۈلى سېرىق، مېۋىسى غوزا مېۋە، ئۇرۇقى زەھەرلىك، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ.

گېلىكتەمەك

  • گېلىكتەمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گىرە سېلىپ تۇتماق.

گېلىي

  • گېلىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گاز ئېلېمېنت. بەلگىسى. (helium)He بۇ بىر خىل ئىنېرتلىق ئېلېمېنت بولۇپ، رەڭسىز، پۇراقسىز كېلىدۇ. لامپۇچكا ۋە نېئون چىرىغىنى تولدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆپتۈرمە سۇلياۋلارنى ياساشتىمۇ قوللىنىلىدۇ. سۇيۇق گېلىي ئادەتتە سوۋۇتقۇچى قىلىنىدۇ.

گېماتىن

  • گېماتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان پورفىرىنلىق بىر خىل بىرىكمە. گېموگلوبىن بىلەن بەزى ئوكسىدلارنى ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىملارنىڭ ئاگونى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە جانلىق ئورگانىزم تېنىدىكى ئوكسىگېننى يەتكۈزۈش ۋە ئوكسىدلارنى ئوكسىدسىزلاش فۇنكسىيىسىگە قاتنىشىدۇ.

گېموگلوبىن

  • گېموگلوبىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] قان سۇيۇقلۇقىدىكى تەركىبىدە تۆمۈر بىلەن ئاقسىل بولغان قىزىل رەڭلىك بىرىكمە. ئۇ ئوكسىگېن ياكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ئاسان بىرىكىدۇ ھەم ئاسان ئاجرىلىدۇ. قان سۇيۇقلۇقى گېموگلوبىننىڭ ياردىمى بىلەن ئۆپكە پۈۋەكچىسى ئىچىدىن ئوكسىگېننى قوبۇل قىلىپ، بەدەننىڭ ھەربىر توقۇلمىلىرىغىچە يەتكۈزىدۇ ۋە بەدەننىڭ ھەربىر توقۇلمىلىرىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئۆپكىگە ئېلىپ كېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. قاننىڭ قىزىل بولۇشى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

گېن

  • گېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلار تېنىدىكى ئىرسىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. ئۇ ھۈجەيرىدىكى خروموسومىغا تۈز سىزىق بويلاپ جايلىشىدۇ.

گېنتىئانا

  • گېنتىئانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گېنتىئانا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى سۆسۈن رەڭدە بولۇپ، كاناي شەكلىدە ئېچىلىدۇ؛ چاچما يىلتىزى ئاشقازاننى كۈچەيتىش دورىسى قىلىنىدۇ.

گېنرى

  • گېنرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىندۇكتىپلىق بىرلىكى. ئېلېكتر زەنجىرىدىكى ئېلېكتر مىقدارىنىڭ بىر سېكۇنت ئىچىدىكى ئۆزگىرىشى بىر ئامپېر بولۇپ، ھاسىل بولغان ئۆز ئىندۇكسىيە ياكى ئۆزئارا ئىندۇكسىيىنىڭ ئېلېكتر يۈرگۈزگۈچى كۈچى بىر ۋولت بولغان چاغدا، ئېلېكتر زەنجىرىدىكى ئىندۇكتىپلىق بىر گېنرى بولىدۇ. بۇ نام ئامېرىكا فىزىكا ئالىمى گېنرى (Joseph Henrh)نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن.

گېنېتىكا

  • گېنېتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىق قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گېنېتىكىلىق

  • گېنېتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گېنېتىكىغا ئائىت، گېنېتىكىغا خاس، گېنېتىكىغا مۇناسىۋەتلىك.

گېنېراتور

  • گېنېراتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسىدىن پايدىلىنىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ھاسىل قىلغۇچى ماشىنا. كۆپرەك كاتۇشكا ئورالغان روتور ۋە ئىستاتوردىن تەشكىل تاپىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ماشىنا بىلەن روتور ئايلاندۇرۇلسا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھاسىل بولىدۇ.

گېنېرال

  • گېنېرال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] «جياڭجۈن»گە قاراڭ.

گېئوپوتېنسىئالمېتىر

  • گېئوپوتېنسىئالمېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] پوتېنسىئال ئېگىزلىك بىرلىكلىرىدىن بىرى. بىر گېئوپوتېنسىئالمېتىر 9.8/g گېئومېتىرىيىلىك مېتىرغا تەڭ.

گېئوتېرمىكا

  • گېئوتېرمىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گېئوتېكتونىكا

  • گېئوتېكتونىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيىدىكى ئومۇمىي تارماق پەن. ئۇ چوڭ تىپتىكى يەر پوستىدىن تارتىپ، پۈتۈن يەر شارى تۈزۈلمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، يېتىلىشى، رايون دائىرىلىك تۈزۈلمىنىڭ بىرىكىشى ياكى شەكىل ئۆزگەرتىش خۇسۇسىيىتى، جايلىشىشى، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشى شۇنىڭدەك مۇشۇ تۈزۈلمىنى پەيدا قىلىدىغان يەر پوستى ھەرىكىتى بىلەن كۈچ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدۇ.

گېئوتېكتونىكىلىق

  • گېئوتېكتونىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گېئوتېكتونىكىغا ئائىت، گېئوتېكتونىكىغا ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] گېئوتېكتونىكىلىق خەرىتە.

گېئوخىمىيە

  • گېئوخىمىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر پوستىدىكى ھەر خىل خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ تارىلىش قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گېئودېزىيە

  • گېئودېزىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>چارلاش-قېدىرىش<[يەشمىسى:] توپوگرافىيىلىك ئۆلچەپ سىزىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىدىغان ۋە تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گېئوسىنكلىنال

  • گېئوسىنكلىنال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر پوستىدىكى جىددىي ھەرىكەتچان رايون، يەنى ئاساسىي چوڭ تۈزۈلمە بىرلىكلىرىدىن بىرى.

گېئوفىزىكا

  • گېئوفىزىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] فىزىكا نەزەرىيىسى ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۈرلۈك گېئوفىزىكىلىق مەيدان، يەر شارىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى، قۇرۇلمىسى، شەكلى ۋە ئۇلاردا يۈز بەرگەن تۈرلۈك فىزىكىلىق جەريانلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گېئوفىزىكىلىق

  • گېئوفىزىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گېئوفىزىكىغا ئائىت، گېئوفىزىكىغا ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] گېئوفىزىكىلىق چارلاش.

گېئولوگ

  • گېئولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گېئولوگىيە ئالىمى، مۇتەخەسسىسى.

گېئولوگىيە

  • گېئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] يەر شارىنى شەكىللەندۈرگۈچى ماددىلار ۋە يەر پوستى تۈزۈلمىسىنى، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گېئولوگىيىلىك

  • گېئولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گېئولوگىيىگە ئائىت، گېئولوگىيىگە ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] گېئولوگىيىلىك جەريان. گېئولوگىيىلىك خەرىتە. گېئولوگىيىلىك دەۋرلەر. گېئولوگىيىلىك فورماتسىيە.

گېئومېتىرىيە

  • گېئومېتىرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بوشلۇقتىكى شەكىللەرنىڭ كۆرۈنۈشى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گېئومېتىرىيىلىك

  • گېئومېتىرىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گېئومېتىرىيىگە ئائىت، گېئومېتىرىيىگە ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] گېئومېتىرىيىلىك جىسىم. گېئومېتىرىيىلىك شەكىل.

گېئومېخانىكا

  • گېئومېخانىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] لى سىگۇاڭ (18891971) بەرپا قىلغان گېئولوگىيىدىكى مېخانىكا بىلەن گېئولوگىيە بىرلەشتۈرۈلگەن بىر تارماق پەن.

گىببېرېللىن

  • گىببېرېللىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك گارمونىنىڭ بىر تۈرى. ئۇ گىببېرېللىن زەمبۇرۇغىنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتى بولۇپ، خىمىيىۋى ئۇسۇلدا ئاجرىتىپ ئېلىنىدۇ. ساپ گىببېرېللىن ئاق رەڭلىك پاراشوك بولۇپ، سۇدا تەستە ئېرىيدۇ، ئىسپىرت ۋە مايلاردا ئېرىيدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىش، ئۇيقۇسىنى ئېچىش، ئۇرۇقسىز مېۋىلىتىش روللىرى بار.

گىببىست

  • گىببىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىر خىل مېنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى Al(OH)3.تەركىبىدىكى ئاليۇمىن 56.4%. تەركىبىدە كۆپىنچە تۆمۈر ۋە گاللىي بولىدۇ. يەككە ياقلىق كرىستال سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كرىستاللىرى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ. قۇراشمىسى ئادەتتە ئۇششاق قاسىراقسىمان بولىدۇ، بەزىدە مونەك، پۇرچاق ياكى يوشۇرۇن كرىستاللىق كاللەكسىمان بولىدۇ. رەڭگى ئاق، كۈل رەڭ، يېشىل ياكى سۇس قىزىل. ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە. قاتتىقلىقى 2.5، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 43.2.

گىبرىد

  • گىبرىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىككى خىل ماگمىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن ماگما جىنس.

گىپنوز

  • گىپنوز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ① ئىشەندۈرۈش، تەسىر كۆرسىتىش يولى بىلەن ئىنساندا، يۇقىرى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا پەيدا قىلىنىدىغان يېرىم ئۇيقۇ ھالىتى. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل يول بىلەن ئۇخلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلى.

گىپنوزچى

  • گىپنوزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىپنوز قىلغۇچى كىشى، گىپنوز ئۇسۇلى بىلەن داۋالىغۇچى دوختۇر.

گىپنوزلانماق

  • گىپنوزلانماق[يەشمىسى:] «گىپنوزلىماق» سۆزىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىبراھىم ئاتىنىڭ كۆزى بىلەن گىپنوزلانغان خېلىل، ئاڭلىنار-ئاڭلانماس قىلىپ «ئېيتمايمەن» دەپ پىچىرلىدى.

گىپنوزلۇق

  • گىپنوزلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىپنوز قىلىش ئىشى:[مىسال:] گىپنوزلۇق قىلماق. * سەلىمە ئۇنىڭ «گىپنوزلۇق» قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، جەمىلە ئاچىنى ئاران تەسلىكتە كۆڭلىدىن چىقاردى.

گىپنوزلىماق

  • گىپنوزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] گىپنوز ئۇسۇلى بىلەن ھوشسىزلاندۇرماق، يېرىم ئۇيقۇدا بىھوش قىلماق:[مىسال:] ئۇلار ئەنۋەرنى گىپنوزلاش ئۈچۈن تەجرىب ە ئۆيىگە ئەكىردى.

گىپوخلورىت

  • گىپوخلورىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك ماددا. مولېكۇلا فورمۇلىسسى HCIO. ئۇ ئىنتايىن تۇراقسىز بولۇپ، ئېرىتمىدە ھىدروخلور بىلەن ئوكسىگېنگە ئاستا-ئاستا پارچىلىنىدۇ. ئۇ يەنە كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

گىپوفىز

  • گىپوفىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] مېڭىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىگە جايلاشقان ھەجمى ئىنتايىن كىچىك، ھەرخىل گورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بەز:[مىسال:] گىپوفىز بېزى. گىپوفىز گورمۇنى.

گىپېربولا

  • گىپېربولا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەكشىلىكتىكى ئىككى قوزغالماس نۇقتىغىچە بولغان ئارىلىقلىرىنىڭ ئايرىمىسى باشتىن-ئاخىر تۇراقلىق قىممەتكە تەڭ بولىدىغان بىر ھەرىكەتچان نۇقتىنىڭ تەكشىلىكتە سىلجىشىدىن ھاسىل بولغان ترايېكتورىيە. ئىككى قوزغالماس نۇقتا گىپېربولانىڭ فوكۇسلىرى دېيىلىدۇ.

گىپېرون

  • گىپېرون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماسسىسى نېيتروندىنمۇ ئېغىر بولغان ئاساسىي زەررىچە. گىپېروننىڭ ئېنېرگىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇنداقلا بەك تۇراقسىز بولىدۇ.

گىپىس

  • گىپىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① ئاق ياكى سارغۇچ رەڭلىك مىنېرال، يەنى كالتىسىي سۇلفات (گەج). ئۇ پىشۇرۇلۇپ ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] سۆڭەڭنىڭ چىققان، سۇنغان يەرلىرىنى تاختا قويۇپ شۇ ماتېرىيال بىلەن تاڭغان تېڭىق: گىپىسنى ئېلىۋەتمەك.

گىپىسلاتماق

  • گىپىسلاتماق[يەشمىسى:] «گىپىسلىماق»[يەشمىسى:] پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى .

گىپىسلىماق

  • گىپىسلىماق[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] زەخمىلەنگەن ئۇستىخان ۋە ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن ئۈگىلەرنى گىپىس بىلەن قاتۇرۇپ تاڭماق، تاختايغا ئېلىپ باغلىماق: قولىنى گىپىسلىماق. پۇتىنى گىپىسلىماق

گىتار

  • گىتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىسپان>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] تارلىق چالغۇ. ئالتە ياكى يەتتە تال تارى بار. بىر قول ئۇرۇپ-چېكىپ چالسا، يەنە بىر قول پەدە بېسىپ بېرىدۇ.

گىتارچى

  • گىتارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىتار چالغۇچى، گىتار چالىدىغان سازەندە.

گىجەك

  • گىجەك[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] سۈزۈلگەن مەشۇتنى غاغىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ھالقىلىق سىم.[يەشمىسى:] ② سۈپەت.[يەشمىسى:] چىگىش توقۇلۇپ كەتكەن، غۇژمەكلەشكەن؛ چاڭگا:[مىسال:] گىجەك ساچىغا ئوخشاش كۆڭلىگە مىڭ-مىڭ تۈگۈن چۈشتى، قەيەردە بىر تېۋىپكىم قىلسا ئشقنىڭ دەردىگە مەلھەم.

گىجەكلەشمەك

  • گىجەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غۇژمەكلەشمەك، چىگىشلەشمەك:[مىسال:] ئۇ ئېرىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە، پېشانىسىدىكى قورۇقلارغا، گىجەكلىشىپ ئۆسۈپ كەتكەن ساقال-بۇرۇتلىرىغا، ياغاق سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان يۈزىگە قاراپ يىغىسىنى ئاران بېسىۋالدى.

گىجىرماچ

  • گىجىرماچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باش-ئايىغى يوق، ئارىلىشىپ كەتكەن؛ گىچماچ:[مىسال:] گىجىرماچ خەت. گىجىرماچ ئىش. گىجىرماچ نەرسە.

گىجىڭ

  • گىجىڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قولىدىن ئىش چىقمايدىغان، ئېزىلەڭگۈ، قاشاڭ ھەم كاج:[مىسال:] گىجىڭ ئادەم. گىجىڭ بالا.

گىجىڭلىق

  • گىجىڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قولىدىن ئىش چىقماسلىق، قاشاڭلىق، ئېزىلەڭگۈلۈك، كاجلىق:[مىسال:] ئوغلىنىڭ بۇ قەدەر گىجىڭلىقىدىن خۇن بولغان ئانا ئاشخانىغا چىقتى-دە، قولىغا چىققان تۆمۈر زىقچىنى ئېلىپ ئالىمنى ساۋىماقچى بولدى.

گىجىڭلىماق

  • گىجىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىككىلەنمەك.

گىجىم

  • گىجىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېگەرنىڭ يوپۇقى. [يەشمىسى:] ② دوپپا تۆپىلىكىنىڭ چۆرىسىگە كۋادرات شەكىلدە ھەرە چىشى چىقىرىپ تىكىلىدىغان گۈل.

گىچ

  • گىچ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] خام ياكى چالا پىشقان نەرسىلەرنى چاينىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

گىچاڭلاتماق

  • گىچاڭلاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆز-كۆز قىلماق.

گىچچىدە

  • گىچچىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گىچ» قىلغان ھالدا، «گىچ» قىلىپ:[مىسال:] قاداق چامغۇرمىكىن ئەيتاۋۇر بىرنېمە چىشىمنىڭ ئارىسىدا گىچچىدە قىلدى.

گىچ-گىچ

  • گىچ-گىچ[يەشمىسى:] «گىچ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] [مىسال:] مۇنۇ مانتىنىڭ پىيىزى گىچ-گىچ قىلىدۇ، پىشمىغان ئوخشايدۇ، دېدى ئۇ ئاشپەزگە.

گىچماچ

  • گىچماچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قالايمىقان، ئارىلىشىپ كەتكەن، چىگىش:[مىسال:] گىچماچ ئىش. گىچماچ خىيال.  ئۇ كۈن بويى گىچماچ خىيال بىلەن بەند ئىدى.

گىچماچلاشتۇرماق

  • گىچماچلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «گىچماچلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گىچماچلاشماق

  • گىچماچلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قالايمىقانلاشماق، ئارىلىشىپ كەتمەك، چىگىشلەشمەك:[مىسال:] مەن ئۇنىڭغا ياخشى بولدى ياكى يامان بولدى دېمىدىم. پىكىر خىياللىرىم گىچماچلىشىپ كەتتى.

گىچىر

  • گىچىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چىشىنى چىشىغا سۈركىگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

گىچىر-گىچىر

  • گىچىر-گىچىر[يەشمىسى:] «گىچىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گىچىرلاتماق

  • گىچىرلاتماق[يەشمىسى:] «گىچىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گىچىرلىماق

  • گىچىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گىچىر-گىچىر» قىلماق، «گىچىر-گىچىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق.

گىچىلداتماق

  • گىچىلداتماق[يەشمىسى:] «گىچىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گىچىلداشماق

  • گىچىلداشماق[يەشمىسى:] «گىچىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گىچىلدىماق

  • گىچىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گىچ-گىچ» قىلماق، «گىچ-گىچ» قىلغان ئاۋاز چىقماق.

گىچىماچاڭ

  • گىچىماچاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئارىلىشىپ كەتكەن، ئايرىماق تەس بولغان، مۇرەككەپ:[مىسال:] گىچىماچاڭ ئىش. گىچىماچاڭ نەرسە.

گىدە

  • گىدە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۈدۈر، بۇجىغۇر.

گىدەيتمەك

  • گىدەيتمەك[يەشمىسى:] «گىدەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گىدەيمەك

  • گىدەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① غادايماق:[مىسال:] ئۇ كۆزلىرىنى مىت-مىت قىلىپ، باسىتنىڭ گىدىيىپ تۇرغان ئەپتىگە تىكىلگىنىچە تۇرۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىبىرىنى كۆرسەتمەك، ئۆزىنى چوڭ تۇتماق:[مىسال:] ئۇ ھېلىقى دانىشمەننى مەنسىتمىگەن قىياپەتتە گىدىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.

گىدرات

  • گىدرات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كۆپلىگەن ماددىلار ئېرىگەندە ئۇلارنىڭ مولېكۇلىلىرى ئېرىتكۈچىنىڭ مولېكۇلىلىرى بىلەن بىرىكىدۇ، بۇ چاغدا ھاسىل بولغان بىرىكمىلەر سۇلفاتلار دېيىلىدۇ؛ ئېرىتكۈچى سۇ بولىدىغان بولسا، ھاسىل بولغان بىرىكمىلەر گىدراتلار دەپ ئاتىلىدۇ. گىدراتلار تۇراقلىق ئەمەس، ئېرىتمىلىرى پارلاندۇرۇلسا، كۆپىنچە ئاجرىلىپ كېتىدۇ. ئەمما بەزى ئېرىگەن ماددا مولېكۇلىسى بىلەن سۇ شۇ قەدەر مەھكەم بىرىككەنلىكى، ھەتتا ماددا ئېرىتمىدىن ئاجرىلىپ چىققاندىمۇ، سۇ ئۇنىڭ كرىستالىدا قالىدۇ. مەسىلەن، مىس (Ⅱ) سولفاتنىڭ كرىستالى CuSo4·5H2O، BaCI2·2H2O.

گىدرازىن

  • گىدرازىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىر تۈرى. مولېكۇلا فورمۇلىسى NH2-NH2. ئامياكنىڭ رەڭسىز، ھاۋادا تۈتۈنلىگۈچى تۇغۇندىسى، سۇيۇقلۇق، دورا ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ ۋە راكېتانىڭ يېقىلغۇسى قىلىنىدۇ.

گىدراۋلىكا

  • گىدراۋلىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقلار (خۇسۇسەن سۇ)نىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ھەمدە ئۇلارنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش يوللىرىنى ئېنىقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن. ئۇ يەنە گىدروسىتاتىكا ۋە گىدرودىنامىكىغا بۆلۈنىدۇ.

گىدراۋلىكىلىق

  • گىدراۋلىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىدراۋلىكىغا ئائىت، گىدراۋلىكىغا ئالاقىدار بولغان ياكى ئۇنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ياسالغان:[مىسال:] گىدراۋلىكىلىق دامكرات.

گىدرو

  • گىدرو[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] سۇ ۋە سۇ قۇۋۋىتىگە ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ باش قىسمى (1-تەركىبى)دە كېلىپ، سۆز ئالدى ياسىغۇچى قوشۇمچە رولىنى ئوينايدۇ ھەم سۇ، سۇ قۇرۇلۇشىغا دائىر ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدۇ. مەسىلەن، گىدروخىمىيە، گىدروبىئولوگىيە، گىدروئاكۇستكا دېگەندەك.

گىدروئاكۇستىكا

  • گىدروئاكۇستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۇدا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ شەكىللىنىشى، تارقىلىشى، قوبۇل قىلىنىشى قاتارلىقلارنى ۋە ئىشلىتلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گىدروبىئولوگىيە

  • گىدروبىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىئولوگىيىنىڭ سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

گىدروتېخنىك

  • گىدروتېخنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گىدروتېخنىكا مۇتەخەسسىسى.

گىدروتېخنىكا

  • گىدروتېخنىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] تېخنىكىنىڭ سۇ ۋە سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىش، سۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى تۈگىتىپ، پايدىلىق ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە سۇنى تىزگىنلەيدىغان قۇرۇلۇشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تارمىقى.

گىدروتېخنىكىلىق

  • گىدروتېخنىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىدروتېخنىكىغا ئائىت، گىدروتېخنىكىغا ئاساسلانغان:[مىسال:] گىدروتېخنىكىلىق قۇرۇلمىلار.

گىدروخىمىيە

  • گىدروخىمىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گىدرولوگىيىنىڭ سۇنىڭ تەركىبىنى خىمىيىۋى ئانالىز قىلىدىغان بىر تارمىقى.

گىدرودىنامىكا

  • گىدرودىنامىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گىدراۋلىكىنىڭ سۇيۇقلۇقلار ھەرىكىتىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ نىسبىي ھەرىكىتىدە ئۇچرىغان باشقا جىسىملار بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

گىدرودىنامىكىلىق

  • گىدرودىنامىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىدرودىنامىكىغا ئائىت، گىدرودىنامىكىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] گىدرودىنامىكىلىق بېسىم.

گىدروسىئانىد

  • گىدروسىئانىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى HCN. رەڭسىز سۇيۇقلۇق. ئاسان پارغا ئايلىنىدۇ، ئىنتايىن زەھەرلىك. سانائەتتە ئۇنىڭدىن سۇلياۋ ۋە بوياق ئىشلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ھاشارات ئۆلتۈرگۈچى دورا قىلىنىدۇ.

گىدروستاتىكا

  • گىدروستاتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گىدراۋلىكىنىڭ سۇيۇقلۇقلار بىلەن ئۇنىڭغا يولۇققان ۋە پاتۇرۇلغان جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

گىدروستاتىكىلىق

  • گىدروستاتىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىدروستاتىكىغا ئائىت، گىدروستاتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] گىدروستاتىكىلىق بېسىم.

گىدروسفېرا

  • گىدروسفېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ سۇ قاتلىمى، يەنى يەر يۈزىدىكى (ئوكيان، دېڭىز، كۆل، دەريالاردىكى) سۇلارنىڭ جەمئىيسى.

گىدروفتورىد

  • گىدروفتورىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى HF. ئۇ ھېدروگىن فتورىدنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى بولۇپ، رەڭسىز، زەھەرلىك كېلىدۇ. ھاۋاغا يولۇقسا تۈتۈن چىقىرىدۇ. چىرىتىش خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەينەك ۋە تۈرلۈك مېتاللارنى چىرىتىۋېتەلەيدۇ. ئادەتتە ئەينەك ئۈستىگە نەقىش ئويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

گىدروفون

  • گىدروفون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئاۋاز دولقۇنى ۋە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلىرىنىڭ سۇدىكى تارقىلىش قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن ياسالغان ھەر خىل ئاۋاز سايمانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.

گىدروكسىد

  • گىدروكسىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھېدروگىن بىلەن ئوكسىگېندىن ئىبارەت ئىككى ئېلېمېنتتىن تۈزۈلگەن بىر ۋالېنتلىق ئاتوم گۇرۇپپىسى.

گىدروكسىل

  • گىدروكسىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھېدروگىن بىلەن ئوكسىگېندىن تۈزۈلگەن ئاتوملار گۇرۇپپىسى (-OH).

گىدروكسىلئامىن

  • گىدروكسىلئامىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ بىرى. مولېكۇلا فورمۇلىسى NH2OH. ئامياكتىكى ھېدروگىننىڭ بىر ئاتومى گىدروكسىل گۇرۇپپىسى بىلەن ئالماشقاندا ھاسىل بولىدۇ. ئۇ رەڭسىز، سۇ شۈمۈرگۈچى ماددا بولۇپ، 51℃ تىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تۇراقلىشىدۇ، 031℃قىچە قىزدۇرۇلسا پارتلايدۇ.

گىدروكلىماتولوگىيە

  • گىدروكلىماتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاۋارايىنىڭ سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەرىپىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گىدروگراف

  • گىدروگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇ گورىزونتىنىڭ ئۆزگىرىش جەريان سىزىقىنى سىزىدىغا ئەسۋاب.

گىدروگېنېراتور

  • گىدروگېنېراتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە+لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] سۇ كۈچى بىلەن ھارىكەتلىنىپ توك ھاسىل قىلىدىغان گېنېراتور.

گىدروگېئولوگىيە

  • گىدروگېئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] گېئولوگىيىنىڭ يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، ھەرىكىتى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

گىدروگېئولوگىيىلىك

  • گىدروگېئولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىدروگېئولوگىيىگە ئائىت، گىدروگېئولوگىيە بىلەن ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] گىدروگېئولوگىيىلىك خەرىتە.

گىدرولۇق

  • گىدرولۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇ ۋە سۇ قۇۋۋىتىگە ئائىت، ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] گىدرولۇق رادىئۇس.

گىدرولوگىيە

  • گىدرولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] تەبىئەت دۇنياسىدىكى سۇلارنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرى ۋە ھەرىكەت ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گىدرولىز

  • گىدرولىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ ماددىلارنىڭ سۇ تەسىرى بىلەن تەركىبىي قىسىملارغا ئاجرىلىشى، پارچىلىنىشى.

گىدرولىزلاتماق

  • گىدرولىزلاتماق[يەشمىسى:] «گىدرولىزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گىدرولىزلاشماق

  • گىدرولىزلاشماق[يەشمىسى:] «گىدرولىزلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گىدرولىزلانماق

  • گىدرولىزلانماق[يەشمىسى:] «گىدرولىزلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گىدرولىزلىغۇچى

  • گىدرولىزلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىدرولىزلاش رولىنى ئوينايدىغان، گىدرولىزلايدىغان:[مىسال:] گىدرولىزلىغۇچى ئېنزىم.

گىدرولىزلىماق

  • گىدرولىزلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ ماددىلارنى سۇ تەسىرى بىلەن تەركىبىي قىسىملارغا ئاجراتماق، پارچىلىماق:[مىسال:] كراخمالنى گىدرولىزلاپ گلۇكوزا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

گىدرومېتىرىيە

  • گىدرومېتىرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] گىدرولوگىيىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى سۇلارنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرى ۋە ھەرىكەت ھادىسىلىرىنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم ۋە ئۇسۇل بويىچە سىستېمىلىق كۆزىتىپ، ئۆلچەپ ۋە رەتلەپ، گىدرولوگىيىلىك تەتقىقات ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىش ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات تەييارلايدىغان بىر تارمىقى.

گىدرومېخانىزم

  • گىدرومېخانىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] تۆۋەندىكى ئۈچ خىل مېخانىزم گىدرومېخانىزمغا مەنسۇپ: (1) سۇ ئېقىمىنىڭ ئېنېرگىيىسىنى مېخانىكىلىق ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدىغان مېخانىزم. مەسىلەن، سۇ چاقپېلىكى، سۇ تۇرۇبىسى قاتارلىقلار؛ (2) ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ئۇزىتىدىغان مېخانىزم. مەسىلەن، گىدراۋلىكىلىق دامكرات قاتارلىقلار؛ (3) مېخانىكىلىق ئېنېرگىيىنى سۇيۇقلۇقنىڭ بېسىم ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق سۇيۇقلۇقنى ئۇزىتىدىغان مېخانىزم. مەسىلەن، سۇ ناسوسى قاتارلىقلار.

گىدرومېخانىكا

  • گىدرومېخانىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق مېخانىكىسى. تەتقىقات ئوبيېكتى بويىچە گىدراۋلىكا، گىدروستاتىكا، گىدرودىنامىكىلارغا بۆلۈنىدۇ.

گىدروئېنېرگىتىكا

  • گىدروئېنېرگىتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] پەن-تېخنىكىنىڭ سۇ ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش، خۇسۇسەن ئۇنىڭدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تارمىقى.

گىدروئېنېرگىيە

  • گىدروئېنېرگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇنىڭ ئىشلەش قابىلىيىتى. ئۇ پەقەت سۇ ئېگىزدىن پەسكە قاراپ ئاققاندىلا پەيدا بولىدۇ. سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى مانا مۇشۇ ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ يەنە «سۇ ئېنېرگىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

گىدروئېنېرگىيىلىك

  • گىدروئېنېرگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇ ئېنېرگىيىسىگە ئائىت، سۇ ئېنېرگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] گىدروئېنېرگىيىلىك ناپور.

گىدىك

  • گىدىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماڭغۇدەك بولغان كۈچۈك.

گىدىك-گىدىك

  • گىدىك-گىدىك[يەشمىسى:] كۈچۈكنى چاقىرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز.

گىدىگەي

  • گىدىگەي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھاكاۋۇر، گىدەيگەك.

گىدىيىشمەك

  • گىدىيىشمەك[يەشمىسى:] «گىدەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىزگە گىدىيىشىپ قاراپ تۇراتتى.

گىر

  • گىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئېغىرلىق ئۆلچىگۈچى سايمان، يەنى تارازىلارنىڭ چوڭ بىر خىلى. ئادەتتە يەر ئۈستىگە قويۇلىدۇ. 500 كىلوگراملىق، 1000 كىلوگراملىقلىرى جىق ئىشلىتىلىدۇ؛ 1000 كىلوگرامدىن يۇقىرىلىرى يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئېغىرلىقلارنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

گىرە

  • گىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىشىك، ئىشكاپ، دېرىزە قاناتلىرىغا بېكىتىلىپ، ئېچىپ يېپىشقا خىزمەت قىلىدىغان مېتال بۇيۇم. [يەشمىسى:] ② ئىككى قولنى بىر-بىرىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ بىرەر نەرسىنى قۇچاقلاش، قىسىش ياكى پۇت-قول قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ھالىتى:[مىسال:] ئويلاپ قارا، ھاياتمۇ گىرە، قىسىپ ئالار گاھى سېنىمۇ. ياسالايدۇ تۇرمۇش ئېكىكى، يۈرىكىڭنىڭ ئاچقۇچىنىمۇ.

گىرەچە

  • گىرەچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك گىرە.

گىرە-گىرە

  • گىرە-گىرە[يەشمىسى:] ① «گىرە» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى. [يەشمىسى:] ② توپ-توپ، سەپ-سەپ، قاتار-قاتار؛ نۇرغۇن:[مىسال:] قوي تۇغىدۇ بىرە-بىرە، يۈرىدۇ گىرە-گىرە؛ ئىت تۇغىدۇ گىرە-گىرە، يۈرىدۇ بىرە-بىرە.

گىرەلەشتۈرمەك

  • گىرەلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «گىرەلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ شىرە ئالدىدا بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ قىمىر قىلماي ئولتۇراتتى.

گىرەلەشتۈرۈلمەك

  • گىرەلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «گىرەلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇتخانىدىكى ئارخاتلاردەك قېتىۋالغان چېرىكلەرنىڭ گىرەلەشتۈرۈلگەن ئايپالتىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ، دەۋاخانا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.

گىرەلەشمە

  • گىرەلەشمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىرەلەشكەن ھالدىكى؛ گىرەلىشىپ، قۇچاقلىشىپ، بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن:[مىسال:] گىرەلەشمە جەڭ.  ئۇرۇش گىرەلەشمە باسقۇچىغا كۆچتى.

گىرەلەشمەك

  • گىرەلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ، تۇتىشىپ كەتمەك؛ قۇچاقلاشماق، چىرماشماق:[مىسال:] ئەلقىسسە، بۇ سۆز بىلەن ئاكا-سىڭىل زار-زار يىغلاپ گىرەلىشىپ كۆرۈشتى.

گىرەلىمەك

  • گىرەلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① گىرە سالماق، قۇچاقلىماق:[مىسال:] ئۇ ھەر قېتىم كالا ساغقاندا موزىيىنى قورسىقىدىن گىرەلەپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم كۆتۈرۈپ قويىدىكەن.[يەشمىسى:] ② گىرە بېكىتمەك، گىرە ئورناتماق.

گىرت

  • گىرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بەزى نەرسىلەرنى چىشلىگەندە، يېگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

گىرتتىدە

  • گىرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «گىرت» قىلغان ھالدا، «گىرت» قىلىپ.

گىرت-گىرت

  • گىرت-گىرت[يەشمىسى:] «گىرت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گىرتىلداتماق

  • گىرتىلداتماق[يەشمىسى:] «گىرتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئېشىكى قارلارنىڭ ئېرىشى بىلەن ئېچىلىپ قالغان قۇرۇق ئوتلارنى گىرتىلدىتىپ ھۇزۇر بىلەن چايناۋاتاتتى.

گىرتىلدىماق

  • گىرتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گىرت-گىرت» قىلماق، «گىرت-گىرت» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئۇ چىشلىرىنى خۇددى تاشتاختا ئۈستىدە تاش قەلەم گىرتىلدىغاندەك غۇچۇرلىتاتتى.

گىرچى

  • گىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىر تۇتىدىغان، گىر بىلەن بىرەر نەرسىنى جىڭلايدىغان كىشى.

گىرخانا

  • گىرخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسە-كېرەكلەرنى گىر بىلەن ئۆلچەيدىغان ۋە ئېغىرلىقىنى ھېسابلايدىغان ئورۇن.

گىرداب

  • گىرداب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① دەريا، ئۆستەڭلەردىكى سۇنىڭ ئايلىنىپ، چۆرگىلەپ قاينام ھاسىل قىلىپ ئاقىدىغان يېرى؛ قاينام:[مىسال:] بىز كېمە بىلەن دەجلە دەرياسىدا كېتىۋېتىپ، دەريادا بىر گىردابقا دۇچ كېلىپ كېمە غەرق بولدى.[يەشمىسى:] ② ئەتراپ، قىرغاق، گىرۋەك، لەۋ، چېگرا:[مىسال:] ئۆلۈم گىردابى. يار گىردابى.

گىردە

  • گىردە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي ئۇنىدىن چۆرىسى قېلىن، ئوتتۇرىسى ئويمان، يۇمىلاق قىلىپ تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل نان.

گىرلەتمەك

  • گىرلەتمەك[يەشمىسى:] «گىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گىرلەشمەك

  • گىرلەشمەك[يەشمىسى:] «گىرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گىرلەنمەك

  • گىرلەنمەك[يەشمىسى:] «گىرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

گىرلىمەك

  • گىرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نەرسە-كېرەكلەرنى گىرگە سېلىپ تارتماق، گىر بىلەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەك.

گىروي

  • گىروي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بەستلىك، گەۋدىلىك، قاۋۇل:[مىسال:] گىروي ئادەم. گىروي بالا.

گىرۋەك

  • گىرۋەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ يېنى، ياقىسى، قىرغاق، لەۋ:[مىسال:] گىرۋەك چىقارماق. گىرۋىكىنى بۇزماق.

گىرۋەكلىك

  • گىرۋەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىرۋىكى بار، گىرۋەك قويۇلغان، گىرۋەك چىقىرىلغان:[مىسال:] شېئىر سېرىق سىرلىق، قىزىل گىرۋەكلىك تاختايغا ئۇيغۇرچە چوڭ قارا خەت بىلەن يېزىلغانىدى.

گىرى

  • گىرى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گەپكە كىرمەيدىغان، تەتۈرىگە تولغايدىغان، كاج، جاھىل:[مىسال:] ھەي قانداق گىرى ئادەمسەن دېدى ئاشپەز تەئەججۈپ بىلەن.

گىرىپ

  • گىرىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] «گىرىپتىشىن»گە قاراڭ:[مىسال:] گىرىپ كۆڭلەك. گىرىپ ياغلىق.

گىرىپتار

  • گىرىپتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دۇچار، مۇپتىلا، يولۇقۇش، ئۇچراش:[مىسال:] گىرىپتار بولماق. گىرىپتار قىلماق.

گىرىپتارلىق

  • گىرىپتارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دۇچار بولۇش، مۇپتىلا بولۇش ھالىتى.

گىرىپتىشىن

  • گىرىپتىشىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يىپەكتىن توقۇلىدىغان بىر خىل نېپىز، سىپتا نەپىس گۈللۈك گەزلىمە.

گىرىپسەتىن

  • گىرىپسەتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يىپەك بىلەن پاختا ئارىلاشمىسىدىن سىپتا، نەپىس، جۇلالىق قىلىپ توقۇلىدىغان بىر خىل رەڭدار گۈللۈك گەزلىمە.

گىرىژ

  • گىرىژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] يىرىق ساھەسىگە چۈشكەن چۇقۇق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ تولىراق قورساق پەردىسىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن ئىنچىكە ئۈچەي ئۇرۇقدان خالتىسىغا چىقىپ قېلىشتىن بولىدۇ. يىرىق ساھەسى پۇلتىيىپ چىقىپ ياكى ئۇرۇقدان خالتىسى يوغىناپ پات-پات قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇ ھال شۈك ياكى ئۈچەي چىرىپ كېتىدىغان ھادىسىلەرگە سەۋەبچى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

گىرىشىم

  • گىرىشىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياغاچنى كۆيدۈرۈپ كۆمۈر تەييارلايدىغان ئورەك.

گىرىلىك

  • گىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كاجلىق، جاھىللىق:[مىسال:] گىرىلىك قىلماق.

گىرىم

  • گىرىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] «پەرداز»غا قاراڭ:[يەشمىسى:] گىرىم قىلماق. گىرىم بۇيۇملىرى.[مىسال:]

گىرىمچى

  • گىرىمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] ئارتىسلارغا گىرىم قىلىدىغان، گىرىمغا مەسئۇل مەخسۇس خادىم.

گىرىمچىلىك

  • گىرىمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىرىم قىلىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] گىرىمچىلىك قىلماق. گىرىمچىلىك بىلەن شۇغۇللانماق.

گىرىمخانا

  • گىرىمخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] ئارتىسلارغا گىرىم قىلىنىدىغان مەخسۇس جاي، ئۆي.

گىرىمسەن

  • گىرىمسەن[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] ياز كۈنلىرى كەڭ دالىدىكى ئىسسىق ھاۋانىڭ يىراقتىن سۇ ياكى شامالدەك، خىرە، غۇۋا كۆرۈنۈشى؛ سەراپ، ئېزىتقۇ:[مىسال:] يېڭىدىن ئېڭىزغا ئايلىنىۋاتقان ئېتىزلار ئۈستىدىكى گىرىمسەن يىراقلاردىن كۆرۈنگەن سۇدەك چىمىرلاپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خىرە، غۇۋا، تۇتۇق:[مىسال:] گىرىمسەن يورۇماق.

گىرىمسەنلەشمەك

  • گىرىمسەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خىرەلەشمەك، غۇۋالاشماق، تۇتۇقلاشماق:[مىسال:] ياپيېشىل دالىلار ئايدىڭدا گىرىمسەنلىشىپ ئۇيقۇغا چۆككەنىدى.

گىرىملىك

  • گىرىملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىرىمى بار، گىرىم قىلغان:[مىسال:] گىرىملىك رېپېتىتسىيە.

گىژ

  • گىژ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] رادىئو، ئۈنئالغۇ، تېلېفون قاتارلىقلار بۇزۇلۇپ قالغاندا چىقىدىغان سەل كۈچسىز ئاۋاز.

گىژ-گىژ

  • گىژ-گىژ[يەشمىسى:] «گىژ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گىژ-گىژلاشماق

  • گىژ-گىژلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ۋارقىراشماق، گەپ تالاشماق، سوقۇشماق، تەگەشمەك:[مىسال:] ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا دېگەندەك، ئۆزىمىز بالانى تېرىپ قويۇپ ئەمدى گىژ-گىژلاشساق بولامدۇ دېدى ئۇ.

گىژىلداتماق

  • گىژىلداتماق[يەشمىسى:] «گىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گىژىلداشماق

  • گىژىلداشماق[يەشمىسى:] «گىژىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ناننىڭ ئۈستىدە بىر توپ چىۋىنلەر گىژىلدىشىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى.

گىژىلدىماق

  • گىژىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گىژ-گىژ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «گىژ-گىژ» قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ مەيدىسى گىژىلداپ، ئەسلىدىمۇ خىرقىراپ چىقىدىغان ئاۋازى تېخىمۇ پۈتۈپ كەتكەنىدى.

گىستامىن

  • گىستامىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. ئۆسۈملۈك، ھايۋانلارنىڭ توقۇلمىلىرىدا بولىدۇ. ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قىل قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىدۇ. ئادەتتە قان ئايلىنىش ۋە نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆلچەشتە ياكى ئەتراپ نېرۋىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

گىستوفىزىئولوگىيە

  • گىستوفىزىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ ھەرخىل توقۇلمىلىرىنىڭ فۇنكسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

گىستوگرامما

  • گىستوگرامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] پەلەمپەيلىك دىئاگرامما شەكلىدە سىزىلغان چاستوتا ئەگرى سىزىقى.

گىستولوگ

  • گىستولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] گىستولوگىيە مۇتەخەسسىسى.

گىستولوگىيە

  • گىستولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىئولوگىيىنىڭ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ توقۇلمىسى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇرۇلۇشى ۋە خىمىيىۋى تەركىبىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

گىگروسكوپ

  • گىگروسكوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] چاچ ياكى قىلدىن ئۇنىڭ نەمدەلسە ئۇزىرىپ، قۇرۇغاندا قىسقىرىش خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ خىمىيىۋى ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن نەملىك ئۆلچەش ئەسۋابى.

گىگروگراف

  • گىگروگراف[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] نەملىكنى ئۆزلۈكىدىن ئۆلچەپ خاتىرىلەيدىغان ئاپتوماتىك گىگروسكوپ.

گىگرومېتىر

  • گىگرومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سائەتكە ئوخشاش ئىشلەنگەن گىگروسكوپ.

گىگرومېتىرىيە

  • گىگرومېتىرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] نەملىكنى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇل-مەشغۇلاتلىرى.

گىگېنا

  • گىگېنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئىنسانلار بىلەن مۇھىتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ھەمدە تۇرمۇش شارائىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ ئۆلچەم ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىنسانلار سالامەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بىر پەن.

گىڭ

  • گىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] پاشا، چىۋىن، كۇمۇتا، ھەرە قاتارلىق ھاشاراتلار ئۇچقاندا چىقىدىغان پەس ئاۋاز.

گىڭشىماق

  • گىڭشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گىڭ-گىڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «گىڭ-گىڭ» قىلماق.

گىڭ-گىڭ

  • گىڭ-گىڭ[يەشمىسى:] «گىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گىڭىلداتماق

  • گىڭىلداتماق[يەشمىسى:] «گىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

گىڭىلداشماق

  • گىڭىلداشماق[يەشمىسى:] «گىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، بىر زەيكەشلىكتە بىر توپ پاشا بىر-بىرىنى راسا ماختىشىپ گىڭىلدىشىۋاتقانىكەن.

گىڭىلدىماق

  • گىڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «گىڭ-گىڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «گىڭ-گىڭ» قىلماق:[مىسال:] بىر چىۋىن گىڭىلداپ ئۇچۇپ كەلدى.

گىل

  • گىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر خىل بوياق. توق قىزىل ياكى ئاچ قىزىل بولىدۇ. ئادەتتە قىزىل تۆمۈر تاشنى ئېزىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. كۆپىنچە رەسىم سىزىش ۋە ئۆي-ئىمارەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

گىلاس

  • گىلاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى سوقىچاق، گۈلى ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ ئاق، مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى قىزىل، چۈچۈمەل، ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ياغىچى قاتتىق، سايمانلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

گىلاسلىق

  • گىلاسلىق[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] گىلاس دەرىىخى بار، گىلاس دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] شاتۇر دورغا بۇ باغنى ئۇزاق ماختىدى ۋە ئۇنىڭ ماختاشلىرى ئاخىرلاشقۇچە، ئۆزلىرىمۇ گىلاسلىق باغقا يېتىپ كېلىشتى.[يەشمىسى:] ② ئىسىم.[يەشمىسى:] گىلاس دەرىخى ئۆستۈرۈلگەن يەر، مەيدان، باغ:[مىسال:] مەن گىلاسلىقنى تاماشا قىلىپ يۈرەتتىم، بىردىنلا بىرى ئىسمىمنى چاقىرىپ قالدى.

گىلاڭ

  • گىلاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىك يار، ھاڭ.

گىلاماق

  • گىلاماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قايغۇ ئىچىدە سېغىنماق.

گىلەم

  • گىلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يۇڭ، يىپەك ياكى سۈنئىي تالادىن ھەرخىل نۇسخىدا مويلۇق، رەڭدار توقۇلۇپ، يەرگە سېلىنىدىغان ياكى تامغا ئېسىپ قويۇلىدىغان ئائىلە بۇيۇمى؛ زىلچا.

گىلەمچى

  • گىلەمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① گىلەم توقۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى؛ گىلەم ئۇستىسى، خالۋاپ. [يەشمىسى:] ② گىلەم ئېلىپ-سېتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، گىلەم سودىگىرى.

گىلەمچىلىك

  • گىلەمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىلەم توقۇش ۋە ئېلىپ-سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى.

گىلەملىك

  • گىلەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① گىلىمى بار، گىلەم سېتىۋالغان، گىلەم سالغان:[مىسال:] گىلەملىك بولۇپ قالماق.[يەشمىسى:] ② گىلەم توقۇشقا لايىق، باپ ياكى يېتىدىغان:[مىسال:] ئىككى گىلەملىك يۇڭ. ئۈچ گىلەملىك يىپ.

گىلبېرت

  • گىلبېرت[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماگنىت ئېقىم كۈچى بىرلىكى. 7958.0 ئامپېر ئورامغا تەڭ. بۇ نام ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى گىلبېرت[(0451-3061) Wiliam Gilbert]نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بېرىلگەن.

گىلدىڭ

  • گىلدىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ بىر ئۇ يانغا بىر بۇ يانغا سىلكىنىپ، مىدىرلاپ تۇرۇش ھالىتى:[مىسال:] گىلدىڭ باش.

گىلدىڭ-گىلدىڭ

  • گىلدىڭ-گىلدىڭ[يەشمىسى:] «گىلدىڭ»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

گىلدىڭلاتماق

  • گىلدىڭلاتماق[يەشمىسى:] «گىلدىڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆڭۈل دېگەن يامان نەرسە، ھېزى بولۇڭ، دېدى سارىخان موماي ئۇنىڭ ئۆڭگەن چىرايىغا قاراپ ئىچ ئاغرىتقاندەك بېشىنى گىلدىڭلىتىپ.

گىلدىڭلاشماق

  • گىلدىڭلاشماق[يەشمىسى:] «گىلدىڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

گىلدىڭلىغاق

  • گىلدىڭلىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىلدىڭلاپ تۇرىغان، گىلدىڭلايدىغان:[مىسال:] دادا، سەن قارلىغاچنى تۇتۇپ يامان قىلدىڭ، قولۇڭ تىترىگەك، بېشىڭ گىلدىڭلىغاق بولۇپ قالارمۇ دېدى ئوغلى.

گىلدىڭلىماق

  • گىلدىڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەر تەرەپكە سىلكىنمەك؛ «گىلدىڭ-گىلدىڭ» قىلماق:[مىسال:] روزەكباينىڭ ئاغزى ئېچىلىپ، بېشى گىلدىڭلاپ تۇراتتى.

گىلىپتو

  • گىلىپتو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] شەمشاد ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ. يەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە دەرەخ تۈرى بولۇپ، ياغىچى يەڭگىل، لەيلەش كۈچى يۇقىرى. سۇدا قۇتقۇزغۇچى سايمانلارنى ۋە بوتۇلكا ئاغزىنى ئېتىدىغان پروپكىلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. شارچە مېۋىسى ۋە قوۋزىقىدىن ياريېلىم ئېلىنىدۇ. شارچە مېۋىسىدىن بوياق ئېلىپ مەشۈت ۋە بېلىق تورلىرىنى بوياشقا بولىدۇ.

گىلىگىتاڭ

  • گىلىگىتاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تايىنى يوق، ئاساسسىز.

گىمن

  • گىمن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بىرەر دۆلەت ياكى رايون بىرلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان تەنتەنىلىك كۈي، شېئىر:[مىسال:] دۆلەت گىمنى.

گىمنازىيە

  • گىمنازىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئومۇمىي تەلىم-تەربىيە ئوقۇتۇشى مەقسەت قىلىنغان بىلىم يۇرتى؛ ئوتتۇرا مەكتەپ.

گىمناستوركا

  • گىمناستوركا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تىك ياكى قايرىما ياقىلىق، ئۈستىدىن كەمەر باغلايدىغان ھەربىي پاسوندىكى كۆڭلەك.

گىمناستىكا

  • گىمناستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] تەنھەرىكەت تۈرى. ئەسۋابسىز ئورۇنداشقا ۋە ئەسۋابلار ئارقىلىق ئورۇنداشقا بولىدۇ. ھەرىكىتى ھەرخىل بولۇپ، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئورۇندىيالايدۇ. ئادەتتە ئاساسىي گىمناستىكا، رادىئو گىمناستىكىسى، كوللېكتىپ گىمناستىكا، قوشۇمچە گىمناستىكا، ماھارەت كۆرسىتىش گىمناستىكىسى ۋە بەدىئىي گىمناستىكا قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

گىمناستىكىچى

  • گىمناستىكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] دائىم گىمناستىكا چېنىقىشى، گىمناستىكا مەشىقى ۋە گىمناستىكا مۇسابىقىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇئەييەن گىمناستىكا تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە ئادەم.

گىنە

  • گىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئاداۋەت»كە قاراڭ:[مىسال:] گىنە ساقلىماق.

گىنېكولوگ

  • گىنېكولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋراچى، گىنېكولوگىيە مۇتەخەسسىسى.

گىنېكولوگىيە

  • گىنېكولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مېدىتسىنىنىڭ ئاياللار ھاياتىنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدىكى (ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن باشقا) فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى، نەسىللىنىش سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى، پرىنسىپى، جەريانى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.

گىياھ

  • گىياھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ، ئۇششاق ئۆسۈملۈك:[مىسال:] دورىلىق گىياھ. كەم ئۇچرايدىغان گىياھ.

گىياھسىز

  • گىياھسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] گىياھى يوق، گىياھ ئۈنمىگەن، تاتىراڭ، ئوت-چۆپسىز:[مىسال:] گىياھسىز جاي. گىياھسىز دالا.

گىيەك

  • گىيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا، 30 دانە داچەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە ئۈچ-تۆت سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇپ، توپا يۆلەپ قاتار قىلىپ تىك تىزىلىدۇ. ئاندىن ئويۇنغا قاتناشقۇچى سەككىز-ئون مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ يۇمىلاق ساقا بىلەن داچەننى چەنلەپ ئۇرىدۇ. ئەگەر بىر قېتىمدا قاتار تىزىلغان داچەننى باشتىن-ئاياغ يىقىتىۋەتسە، ئۇ كىشى ئۇتقان ھېسابلىنىدۇ؛ تولۇق يىقىتالمىسا ئۇتتۇرغان بولىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپ شۇ تەرىقىدە نۆۋەت بىلەن ئوينايدۇ.