ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

31 ئى🔗

ئىⅠ

ئىⅡ

ئىئانە

ئىبادەت

ئىبادەتگاھ

ئىبادەتخانا

ئىبارە

ئىبارەت

ئىبەرمەك

ئىبرانىي

ئىبرەت

ئىبرەتلەنمەك

ئىبرەتلىك

ئىبرەتنامە

ئىبرېي

ئىبلىس

ئىبلىسلىق

ئىپادە

ئىپادىسىز

ئىپادىلەش

ئىپادىلەشمەك

ئىپادىلەنمەك

ئىپادىلىك

ئىپادىلىمەك

ئىپار

ئىپار-ئەنبەر

ئىپارچاشقان

ئىپار-زەپەر

ئىپاركالا

ئىپاركېيىك

ئىپارگۈل

ئىپارلىق

ئىپپەت

ئىپپەتلىك

ئىپپەت-نومۇس

ئىپپەت-نومۇسلۇق

ئىپتار

ئىپتارچى

ئىپتارلىق

ئىپتىخار

ئىپتىخارلاندۇرماق

ئىپتىخارلانماق

ئىپتىخارلىق

ئىپتىدا

ئىپتىدائىي

ئىپتىدائىي جامائە

ئىپتىدائىي جەمئىيەت

ئىپتىدائىيلىق

ئىپرىت

ئىپرىت گازى

ئىپلاس

ئىپلاسلارچە

ئىپلاسچىلىق

ئىپلاسلاشماق

ئىپلاسلىق

ئىپومېيە

ئىت

ئىت بورسۇق

ئىت پوق يېمەستە

ئىت خۇي

ئىت مۇرۇن

ئىت مىجەز

ئىتنىڭ بالىسى

ئىتنىڭ قۇرتىدەك

ئىتنىڭ كۈنى

ئىت ئۇۋىسى

ئىت ئېيىقى

ئىت يالىقى

ئىت يالىقىنى يالىماق

ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە

ئىتائەت

ئىتائەتچان

ئىتائەتچانلىق

ئىتائەتسىز

ئىتائەتسىزلىك

ئىتائەتكار

ئىتائەتكارلىق

ئىتائەتكارانە

ئىتائەتلىك

ئىتائەتمەن

ئىتائەتمەنلەرچە

ئىتائەتمەنلىك

ئىتاچى

ئىتالغۇ

ئىتاليان

ئىتاليانچە

ئىتپەرەس

ئىتپەرەسلىك

ئىتتەرتمەك

ئىتتەرمەك

ئىتترىي

ئىتتېربىي

ئىتتىپاق

ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر

ئىتتىپاقچى

ئىتتىپاقداش

ئىتتىپاقداشلىق

ئىتتىپاقسىز

ئىتتىپاقسىزلىق

ئىتتىپاقلاشتۇرماق

ئىتتىپاقلاشتۇرۇلماق

ئىتتىپاقلاشماق

ئىتتىپاقلىق

ئىتتىتمەك

ئىتتىرەتمەك

ئىتتىرىشمەك

ئىتتىرىلمەك

ئىتتىك

ئىتتىكلەتمەك

ئىتتىكلەشمەك

ئىتتىكلىك

ئىتتىكلىمەك

ئىتتىمەك

ئىتچىۋىنى

ئىتسىيگەك

ئىتلىق

ئىت-مۈشۈك

ئىت-مۈشۈك بولماق

ئىتپەرەس

ئىتئۈزۈمى

ئىت-ئېشەك

ئىتياڭىقى

ئىجابەت

ئىجابەتلىك

ئىجابىي

ئىجابىيلىق

ئىجاد

ئىجادچان

ئىجادچانلىق

ئىجادچى

ئىجادكار

ئىجادكارلىق

ئىجادگاھ

ئىجادىي

ئىجادىيەت

ئىجادىيلىق

ئىجارە

ئىجارىچى

ئىجارىكەش

ئىجارىكەشلىك

ئىجازەت

ئىجازەتسىز

ئىجازەتلىك

ئىجتىمائىي

ئىجتىمائىي ئاڭ

ئىجتىمائىي ئەخلاق

ئىجتىمائىي پەن

ئىجتىمائىي تۈزۈم

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا

ئىجتىمائىي مائارىپ

ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت

ئىجتىمائىيەت

ئىجتىمائىيلاشتۇرماق

ئىجتىمائىيلاشماق

ئىجتىمائىيلىق

ئىجتىھات

ئىجتىھاتچان

ئىجتىھاتسىز

ئىجتىھاتسىزلىق

ئىجتىھاتلىق

ئىجرا

ئىجراچى

ئىجرائىي

ئىجرائىيە

ئىجىر-مىجىر

ئىجىك

ئىچ

ئىچ ئاغرىق

ئىچ پەش تارتماق

ئىچ پۇشماق

ئىچ پۇشۇقى

ئىچ كۆيەر

ئىچ كۆيۈكى

ئىچ كۈيئوغۇل

ئىچ كېزىك

ئىچ كىيىم

ئىچ گۆر

ئىچ مايماق

ئىچى ئادىماق

ئىچى ئاغرىماق

ئىچى بوشىماق

ئىچى بۇزۇلماق

ئىچى پىششىق

ئىچى تار

ئىچى تىت-تىت بولماق

ئىچى تىتىلدىماق

ئىچىدە توڭگۇز قاترىماق

ئىچى دەريا

ئىچىدە زەھەر قاينىماق

ئىچىدىن توڭگۇز قوپماق

ئىچىدىن قان كەتمەك

ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل

ئىچى زەھەر

ئىچى سۈرمەك

ئىچى سىقىلماق

ئىچى سىيرىلماق

ئىچى غال-غال، تېشى پال-پال

ئىچى قاتماق

ئىچى قاينىماق

ئىچى قوتۇر

ئىچى قىزىماق

ئىچى كۆيمەك

ئىچى كۈچلۈك

ئىچىگە تىنماق

ئىچىگە جىن كىرمەك

ئىچىگە سالماق

ئىچىگە ئوت تۇتاشماق

ئىچىگە ئوت چۈشمەك

ئىچىگە ئوت سالماق

ئىچىگە ئوت كەتمەك

ئىچىگە ئۇرماق

ئىچىگە ئۇرۇپ كەتمەك

ئىچىگە يۇتماق

ئىچىنى تىڭشىماق

ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىۋالغاندەك بولماق

ئىچى ئۆتمەك

ئىچى ئۆرتەلمەك

ئىچى ئېچىشماق

ئىچى ئىلىشماق

ئىچى يامان

ئىچەرمەن

ئىچەكەشمەك

ئىچ-باغىر

ئىچرە

ئىچ-قارىن

ئىچ-قارنىنى بوشاتماق

ئىچ-قارنىنى بىلمەك

ئىچ-قارنىنى تۆكمەك

ئىچ-قارنى ئېچىلماق

ئىچقويۇن

ئىچقويۇن-تاشقويۇن

ئىچكەركى

ئىچكۈلۈك

ئىچكى

ئىچكى ئاجراتما

ئىچكى ئامىل

ئىچكى ئەزا

ئىچكى جايلار

ئىچكى دۇنيا

ئىچكى سەۋەب

ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

ئىچكى گورمون

ئىچكى-تاشقى

ئىچكىرى

ئىچكىرى-تاشقىرى

ئىچكىرىكى

ئىچكىرىلەتمەك

ئىچكىرلەشمەك

ئىچكىرىلىمەك

ئىچلىك

ئىچمەكⅠ

ئىچمەكⅡ

ئىچۈرمەك

ئىچ-ئىچ

ئىچ-ئىچىدىن

ئىچ-ئىچىگە پاتماسلىق

ئىچ-ئىچىگە سىغماسلىق

ئىچىشمەك

ئىچىشۋازلىق

ئىچىكمەك

ئىچىكىشمەك

ئىچىلمەك

ئىچىملىك

ئىختىرا

ئىختىراچى

ئىختىساس

ئىختىساسشۇناسلىق

ئىختىساسلاشتۇرماق

ئىختىساسلاشتۇرۇلماق

ئىختىساسلاشماق

ئىختىساسلىق

ئىختىلاپ

ئىختىلاپچى

ئىختىلاپسىز

ئىختىلاپلىق

ئىختىئول

ئىختىيار

ئىختىيارەن

ئىختىيارسىز

ئىختىيارسىزلىق

ئىختىيارلىق

ئىختىيارىي

ئىختىيارىيلىق

ئىخچام

ئىخچاملاتماق

ئىخچاملاشتۇرماق

ئىخچاملاشتۇرۇشماق

ئىخچاملاشتۇرۇلماق

ئىخچاملاشماق

ئىخچاملانماق

ئىخچاملىق

ئىخچاملىماق

ئىخراج

ئىخلاس

ئىخلاس قىلماق

ئىخلاس-ئەقىدە

ئىخلاسلىق

ئىخلاسمەن

ئىخلاسمەنلىك

ئىدارە

ئىدارە قىلماق

ئىدارە-جەمئىيەت

ئىدەلىك

ئىددەت

ئىدراك

ئىدراكسىز

ئىدراكلىق

ئىدراكىي

ئىدرەم

ئىدرەملىك

ئىدېئال

ئىدېئالىزم

ئىدېئالىزمچە

ئىدېئالىزمچى

ئىدېئالىزملىق

ئىدېئالىست

ئىدېئالىستىك

ئىدېئولوگ

ئىدېئولوگىيە

ئىدېئولوگىيىلىك

ئىدىس

ئىدىش

ئىدىشلىق

ئىدىق

ئىدىقۇت

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى

ئىدىقىشماق

ئىدىماق

ئىدىئوم

ئىدىئوملۇق

ئىدىيە

ئىدىيىدە ئازاد بولماق

ئىدىيىلىك

ئىدىيىۋى

ئىدىيىۋىلىك

ئىرⅠ

ئىرⅡ

ئىرادە

ئىرادىچىلىك

ئىرادىسىز

ئىرادىسىزلىك

ئىرادىلىك

ئىرادىنامە

ئىراقⅠ

ئىراقⅡ

ئىراق مۇقامى

ئىراقىي

ئىرانگۈل

ئىرەكتە

ئىرچى

ئىرراتسىئونال

ئىرسا

ئىرسىي

ئىرسىيەت

ئىرسىيەتچانلىق

ئىرسىيەتشۇناس

ئىرسىيەتشۇناسلىق

ئىرسىيەتلىك

ئىرغاڭ

ئىرغاڭلاتماق

ئىرغاڭلاشماق

ئىرغاڭلىماق

ئىرغاي

ئىرغايلىق

ئىرغىتىلماق

ئىرغىتماق

ئىرغىشماق

ئىرغىماق

ئىرق

ئىرقچى

ئىرقچىلىق

ئىرقشۇناس

ئىرقشۇناسلىق

ئىرقىي

ئىركاشا

ئىركىت

ئىرلىماق

ئىرماش-چىرماش

ئىرماشماق

ئىروزىيە

ئىروزىيىلىمەك

ئىرونىيە

ئىرىدىي

ئىرىس

ئىرىس كەمپۈت

ئىرىڭ-سىرىڭ

ئىرىم

ئىرىم قىلماق

ئىرىمچىك

ئىز

ئىز باسماق

ئىز پۇلى

ئىزىغا چۈشمەك

ئىزىغا سالماق

ئىزا

ئىزا-ئاھانەت

ئىزافەت

ئىزافەتلىك

ئىزا-نومۇس

ئىزاھ

ئىزاھات

ئىزاھاتسىز

ئىزاھلاتماق

ئىزاھلاشماق

ئىزاھلانماق

ئىزاھلىق

ئىزاھلىق لۇغەت

ئىزاھلىماق

ئىزاھنامە

ئىزباسار

ئىزباسارلىق

ئىزتىراپ

ئىزچى

ئىزچىل

ئىزچىلار

ئىزچىللاشتۇرماق

ئىزچىللاشماق

ئىزچىللىق

ئىزخىر

ئىزدەتمەك

ئىزدەشتۈرمەك

ئىزدەشمەك

ئىزدەكچى

ئىزدەك-سوراق

ئىزدەلمەك

ئىزدەنمەك

ئىز-دېرەك

ئىز-دېرەكسىز

ئىز-دېرەكلىمەك

ئىزدىمەك

ئىززەت

ئىززەت-ئابرۇي

ئىززەتسىز

ئىززەت-غۇرۇر

ئىززەتلەشمەك

ئىززەتلەنمەك

ئىززەتلىك

ئىززەتلىمەك

ئىززەت-نەپس

ئىززەت-نەپسىگە تەگمەك

ئىززەت-ھۆرمەت

ئىززەت-ئېھتىرام

ئىززەت-ئىكرام

ئىزسىز

ئىزغىرىن

ئىز-قارىسى

ئىزمە

ئىزمۇق

ئىزمۇئىز

ئىزمىلەتمەك

ئىزمىلەشمەك

ئىزمىلەنمەك

ئىزمىلىك

ئىزمىلىمەك

ئىزنا (ئىزناسى)

ئىزناسىز

ئىزناك

ئىزنالىق

ئىزنىماق

ئىزھار (ئىزھارى)

ئىزھارلىماق

ئىزوتروپ

ئىزوتروپلۇق

ئىزوتروپىيە

ئىزوتوپ

ئىزوتوپلار

ئىزوتوپلۇق

ئىزوتون

ئىزوتېرما

ئىزوتېرمىك

ئىزوسپىن

ئىزولياتسىيە

ئىزولياتسىيىلەتمەك

ئىزولياتسىيىلەشمەك

ئىزولياتسىيىلەنمەك

ئىزولياتسىيىلىمەك

ئىزولياتور

ئىزومورف

ئىزومورفىزم

ئىزومېر

ئىزومېرلىنىش

ئىزومېرىيە

ئىزوئوكتان

ئىزۋوت

ئىس

ئىسپات

ئىسپاتسىز

ئىسپاتلاتماق

ئىسپاتلاشماق

ئىسپاتلانماق

ئىسپاتلىق

ئىسپاتلىماق

ئىسپاتنامە

ئىسپان

ئىسپانچە

ئىسپەغول

ئىسپىراپكا

ئىسپىرت

ئىسپىرتلىق

ئىسپېرما

ئىستاپىل

ئىستاتور

ئىستاكان

ئىستانسا

ئىستانوك

ئىستانوكچى

ئىستەك

ئىستەكسىز

ئىستراتېگىيە

ئىستراتېگىيىلىك

ئىسترېلكا

ئىسترېلكىلىق

ئىستودېنت

ئىستون

ئىستوۋۇل

ئىستوۋۇللۇق

ئىس-تۈتەك

ئىس-تۈتۈن

ئىستېپا

ئىستېدات

ئىستېداتلىق

ئىستېركۇل

ئىستېركۇل دەرىخى

ئىستېلا (ئىستالاسى)

ئىستېلاچى

ئىستېلاچىلىق

ئىستېمال (ئىستېمالى)

ئىستېمالچى

ئىستىئارە

ئىستىبدات

ئىستىبداتچى

ئىستىبداتچىل

ئىستىبداتچىلىق

ئىستىبداتلىق

ئىستىخىيە

ئىستىخىيىلىك

ئىستىراتىپ

ئىستىراھەت

ئىستىراھەتخانا

ئىستىراھەتگاھ

ئىستىسقا

ئىستىسنا

ئىستىغپار

ئىستىقامەت

ئىستىقامەتچى

ئىستىقبال

ئىستىقبالسىز

ئىستىقباللىق

ئىستىقلال

ئىستىقلالىيەت

ئىستىقلالىيەتچى

ئىستىقلالىيەتچىلىك

ئىستىل

ئىستىلىزاتسىيە

ئىستىلىستىكا

ئىستىلىستىكىلىق

ئىستىلىي

ئىستىمەك

ئىستىنجا

ئىستىھزا

ئىستىھزالانماق

ئىستىھزاسىز

ئىستىھزالىق

ئىستىھكام

ئىستىۋرا

ئىستىۋراخانا

ئىسچوت

ئىسچوتچىك

ئىسراپ

ئىسراپچىلىق

ئىسراپخور

ئىسراپخورلۇق

ئىسرىق

ئىسرىق سالماق

ئىسرىقدان

ئىسىرىقلىماق

ئىسسىتقۇ

ئىسسىتقۇچ

ئىسسىتما

ئىسسىتماق

ئىسسىتىش

ئىسسىتىشماق

ئىسسىتىلماق

ئىسسىز

ئىسسىق

ئىسسق بەلۋاغ

ئىسسىق ئۆتمەك

ئىسسىق يەللىك قىلماق

ئىسسىقچان

ئىسسىق-سوغۇق

ئىسسىقلىق

ئىسسىقلىق قىلماق

ئىسسىقىدا

ئىسسىماق

ئىسسىندۇرماق

ئىسسىنماق

ئىسسىنىشماق

ئىسقات

ئىسقاتچى

ئىسقىرتقا

ئىسقىرتما

ئىسقىرتماق

ئىسقىرتىشماق

ئىسقىرىق

ئىسكادرون

ئىسكارلاتىنا

ئىسكارىن

ئىسكەت

ئىسكەتسىز

ئىسكەتلەتمەك

ئىسكەتلەشمەك

ئىسكەتلەنمەك

ئىسكەتلىك

ئىسكەتلىمەك

ئىسكەنجە

ئىسكەنجىلىمەك

ئىسكەنجىۋىل

ئىسكۇدو

ئىسكىپىدار

ئىسكىرىپكا

ئىسكىرىپكىچى

ئىسكىلات

ئىسكىلاتچى

ئىسكىلاتچىلىق

ئىسكىلاتلاشتۇرماق

ئىسكىلاتلاشتۇرۇلماق

ئىسكىلاچ

ئىسكىلاچ مەسە

ئىسكىلىت

ئىسكىمەك

ئىسكىنە

ئىسكەندە

ئىسلاتماق

ئىسلاشماق

ئىسلام

ئىسلام دىنى

ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق ھۆكۈملىرى

ئىسلام دىنىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈملىرى

ئىسلام دىنىنىڭ ئېتقاد ھۆكۈملىرى

ئىسلام كالېندارى

ئىسلام يىلنامىسى

ئىسلامشۇناس

ئىسلامشۇناسلىق

ئىسلاملاشماق

ئىسلامىيەت

ئىسلاند

ئىسلانماق

ئىسلاھ

ئىسلاھات

ئىسلاھاتچى

ئىسلاھاتچىلىق

ئىسلىق

ئىسلىق بىللور

ئىسلىق يېشىل

ئىسلىما

ئىسلىماق

ئىسمائىلىيە

ئىسمائىلتاپ

ئىسمېنا

ئىسمىئەزەم

ئىسمى-جىسمى

ئىسمىزات

ئىسمىشەرىپ

ئىسمېنىلىق

ئىسنا

ئىسىت

ئىسىم

ئىسىمداش

ئىسىمسىز

ئىسىمشۇناس

ئىسىمشۇناسلىق

ئىسىم-فامىلە

ئىسىملاشماق

ئىسىملەنمەك

ئىسىملىك

ئىسيان

ئىسيانچى

ئىسيانچىلىق

ئىسيانكار

ئىسيانكارانە

ئىسيانكارلىق

ئىسيانلىق

ئىش

ئىش ئادىمى

ئىش بولمىدى

ئىش بېشى

ئىش تاپماق

ئىش تارتماق

ئىش تامام ۋەسسالام

ئىش تەۋرەتمەك

ئىش تۈگىمەك

ئىش تېرىماق

ئىشتىن چىقماق

ئىشتىن قالماق

ئىش چاتاق

ئىش چىقماق

ئىش كاتتا

ئىش كۆرگەن

ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماق

ئىشنىڭ تىلى

ئىشنىڭ قىزىقى

ئىشنىڭ كۆزىنى تاپماق

ئىشىڭنى قىل

ئىشنى ئوخشاتماق

ئىش يۈگۈرمەك

ئىشارە

ئىشارەت

ئىشارەتلەشمەك

ئىشارەتلىك

ئىشارەتلىمەك

ئىشارىلىك

ئىشان

ئىشانلىق

ئىشەنچ

ئىشەنچى كامىل

ئىشەنچسىز

ئىشەنچسىزلىك

ئىشەنچىلىك

ئىشەندۈرەرلىك

ئىشەندۈرمەك

ئىشەندۈرۈلمەك

ئىشەنمەك

ئىش-پائالىيەت

ئىشپىيون

ئىشپىيونلۇق

ئىشتان

ئىشتانغا چىقىرىۋەتمەك

ئىشتىنى تىزىدىن ئاشماسلىق

ئىشتىنى ئىككى بولۇپ قالماق

ئىشتىنىغا پىت تاشلىماق

ئىشتانباغ

ئىشتانبېغى بوش

ئىشتانپايپاق

ئىشتانچاق

ئىشتانسىز

ئىشتانلىق

ئىشتە

ئىشتەي

ئىشتىراك

ئىشتىراكچى

ئىشتىك

ئىشتىھا

ئىشتىھاسىزلىق

ئىشتىھالىق

ئىشتىياق

ئىشچان

ئىشچانلىق

ئىشچى

ئىشچى ھەرە

ئىشچى-خىزمەتچى

ئىشچى-دېھقان

ئىشچىلىق

ئىشخانا

ئىشداش

ئىشرەت

ئىشرەتپەرەس

ئىشرەتپەرەسلىك

ئىشرەتخانا

ئىشرەتخۇمار

ئىشرەتگاھ

ئىشسىز

ئىشسىزلىق

ئىششەك

ئىششەك-نىمئىششەك

ئىششىتماق

ئىششىق

ئىششىماق

ئىشغال

ئىشغالىيەت

ئىشغالىيەتچى

ئىشق

ئىشقار

ئىشقارخور

ئىشقارخۇمار

ئىشقارلىق

ئىشقارىي

ئىشق-پىراق

ئىشقسىز

ئىشق-مۇھەببەت

ئىشقۋاز

ئىشقۋازلىق

ئىشقىلىپ

ئىشقىلاتماق

ئىشقىلاشماق

ئىشقىلانماق

ئىشقىلىماق

ئىشكاپ

ئىشكەل

ئىشكەللەشمەك

ئىشكەللەنمەك

ئىشكەللىمەك

ئىشلەپچىقارماق

ئىشلەتمەك

ئىشلەشمەك

ئىشلەمچان

ئىشلەمچى

ئىشلەمچىلىك

ئىشلەنمە

ئىشلەنمەك

ئىشلىق

ئىشلىمەك

ئىشمەك

ئىشمەك توقۇم

ئىش-ھەرىكەت

ئىش-ئوقەت

ئىشۋاز

ئىشۋازلىق

ئىشىتكۈزمەك

ئىشىتمەك

ئىشىتىشمەك

ئىشىتىلمەك

ئىشىك

ئىشىكنى تاقىۋېلىش سىياسىتى

ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى

ئىشىك ئۇچى

ئىشىكىمىز ئوچۇق

ئىشىكئاغىسى

ئىشىكباقار

ئىشىكۋېشى

ئىشىنەر-ئىشەنمەي

ئىغۋا

ئىغۋاچى

ئىغۋاگەر

ئىغۋاگەرچىلىك

ئىقبال (ئىقبالى)

ئىقبالسېرى

ئىقباللىق

ئىقتىباس

ئىقتىدا

ئىقتىدار

ئىقتىدارسىز

ئىقتىدارسىزلىق

ئىقتىدارلىق

ئىقتىساد

ئىقتىسادچان

ئىقتىسادچانلىق

ئىقتىسادچى

ئىقتىسادچىل

ئىقتىسادچىللىق

ئىقتىسادشۇناس

ئىقتىسادشۇناسلىق

ئىقتىسادلىق

ئىقتىسادۋاز

ئىقتىسادىي

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون

ئىقرار

ئىقرارنامە

ئىقلىم

ئىقلىمىيا

ئىكتى

ئىكرام

ئىككى

ئىككى ئارىلىق بولۇپ قالماق

ئىككى ئالەم

ئىككى باشنى بىر قىلىپ قويماق

ئىككى بىسلىق

ئىككى پاختەكنى بىر چالمىدا سوقماق

ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلماق

ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق

ئىككى پۇتى ئۆرە قالماق

ئىككى پۇل

ئىككى پۇلغا ئالمايدۇ

ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا يانجىلماق

ئىككى تايىن

ئىككى تايىن بولماق

ئىككى تۇغقان

ئىككى تىللىق

ئىككى دۇنيا

ئىككى دۇنيا بولۇشۇپ كەتمەك

ئىككى دۇنيالىق

ئىككى سەككىز ئون ئالتە

ئىككى قوشۇقتا ئاش ئىچكۈدەك بولماق

ئىككى قول

ئىككى قولدا تۇتماق

ئىككى قولغا تايانماق

ئىككى قوللاپ

ئىككى قوللۇق

ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ

ئىككى قۇتۇپ

ئىككى كۆزى تۆت بولماق

ئىككى كۈنلۈك ئۆمرى قالماق

ئىككى كۈننىڭ بىرىدە

ئىككى كېمىگە دەسسىمەك

ئىككى گەپنىڭ بىرىدە

ئىككى موك بولۇپ قالماق

ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ چالماق

ئىككى ئېغىز گەپ

ئىككى ئىشتاننى بالدۇر يىرتقان

ئىككى ياقلىما

ئىككى ياقلىمىلىق

ئىككى يانغا قارىماق

ئىككى يۈزلىمە

ئىككى يۈزلىمىچى

ئىككى يۈزلىمىلىك

ئىككىقات

ئىككىلەمچى

ئىككىلەندۈرمەك

ئىككىلەنمەك

ئىككىلىك

ئىككىنچى

ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى

ئىككىنچى ئاي

ئىككىنچى جۇ

ئىككىنچىدىن

ئىككىنچىلەپ

ئىككىنچىلىك

ئىككىيلەن

ئىكىر-چىكىر

ئىكىرلىك

ئىكىندى

ئىگە

ئىگە-چاقا

ئىگە-چاقىسىز

ئىگەكىم

ئىگرېك

ئىگىچە

ئىگىدار

ئىگىدارچىلىق

ئىگىدارلىق

ئىگىسىز

ئىگىسىزلىك

ئىگىلەتمەك

ئىگىلەشمەك

ئىگىلەنمەك

ئىگىلىك

ئىگىلىك باشقۇرۇش

ئىگىلىك كېلىش

ئىگىلىك ھوقۇقى

ئىگىلىمەك

ئىڭە

ئىڭەلىمەك

ئىڭە-ئىڭە

ئىڭراتماق

ئىڭراشماق

ئىڭراق

ئىڭرىماق

ئىڭغىرچاق

ئىڭگىلىك

ئىلاج

ئىلاجسىز

ئىلاجسىزلىق

ئىلاھ

ئىلاھا-ئامىن

ئىلاھا-ئامىنغا كەتمەك

ئىلاھە

ئىلاھچىلىق

ئىلاھسىزلىق

ئىلاھىي

ئىلاھىيەت

ئىلاھىيەتچىلىك

ئىلاھىيەتشۇناس

ئىلاھىيەتشۇناسلىق

ئىلاھىيەتلىك

ئىلاھىيلاشتۇرماق

ئىلاھىيلاشماق

ئىلاۋە

ئىلە

ئىلەشتۈرمەك

ئىلەشكەك

ئىلەشمەك

ئىلەك

ئىلەڭچى

ئىلەڭ-سىلەڭ

ئىلەڭگۈچ

ئىلەنمەك

ئىلتمەك

ئىلتىپات

ئىلتىپاتسىز

ئىلتىپاتسىزلىق

ئىلتىپاتلىق

ئىلتىجا

ئىلتىجالىق

ئىلتىماس

ئىلتىماسنامە

ئىلدام

ئىلداملاتماق

ئىلداملاشماق

ئىلداملىتىلماق

ئىلداملىق

ئىلداملىماق

ئىلدام-ئىلدام

ئىلدۇرماق

ئىلغاⅠ

ئىلغاⅡ

ئىلغا قىلماق

ئىلغاتماق

ئىلغار

ئىلغارلاشماق

ئىلغارلىق

ئىلغاشماق

ئىلغاندى

ئىلغانماق

ئىلغۇ

ئىلغۇچ

ئىلغىتىلماق

ئىلغىماق

ئىلكەشمەك

ئىلگەك

ئىلگىرى

ئىلگىرى سۈرمەك

ئىلگىرى كەلمەك

ئىلگىرى-ئاخىر

ئىلگىرى-كېيىن

ئىلگىرىكى

ئىلگىرىلەتمەك

ئىلگىرىلەشمەك

ئىلگىرىلىتىلمەك

ئىلگىرىلىمە

ئىلگىرىلىمەك

ئىللا-بىللا

ئىللا-تاۋارا

ئىللەت

ئىللەتسىز

ئىللەتلىك

ئىللېكس

ئىللىتماق

ئىللىتىشماق

ئىللىتىلماق

ئىللىق

ئىللىقلىق

ئىللىماقⅠ

ئىللىماقⅡ

ئىلماق

ئىلمان

ئىلمەⅠ

ئىلمەⅡ

ئىلمەك

ئىلمەك گەپ

ئىلمەكلىك

ئىلمۇئېرپان

ئىلمىنۇجۇم

ئىلمىي

ئىلمىيلىك

ئىلھام

ئىلھامچى

ئىلھاملاندۇرماق

ئىلھاملاندۇرۇشماق

ئىلھاملاندۇرۇلماق

ئىلھاملانماق

ئىلىتماق

ئىلىتىشماق

ئىلىتىلماق

ئىلىشاڭغۇ

ئىلىشتۇرماق Ⅰ

ئىلىشتۇرماقⅡ

ئىلىشماقⅠ

ئىلىشماقⅡ

ئىلىق

ئىلىقلىق

ئىلىق-مىلىق

ئىلىك

ئىلىك ئالماق

ئىلىكتەلە

ئىلىكتىمەك

ئىلىم

ئىلىم نوپۇزلۇقى

ئىلىم-بىلىم

ئىلىمپەرۋەر

ئىلىمپەرۋەرلىك

ئىلىم-پەن

ئىلىمسىز

ئىلىمسىزلىك

ئىلىمشۇناس

ئىلىملىك

ئىلىم-مەرىپەت

ئىلىم-مەرىپەتلىك

ئىلىم-ھېكمەت

ئىلىم-ئېرپان

ئىلىنچۇك

ئىلىنچىق

ئىلىندۇرماق

ئىلىنماق

ئىلىنىشماق

ئىم

ئىما

ئىمارەت

ئىمارەتچىلىك

ئىمارەتلىك

ئىماژنىزم

ئىمام

ئىمامى ئەخپەشنىڭ ئۆچكىسى

ئىمامەت

ئىمامەتچىلىك

ئىماملىق

ئىمان

ئىمانى كامىل

ئىمانى ئۇچماق

ئىمانسىز

ئىما-ئىشارە

ئىما-ئىشارەت

ئىما-ئىشارەت تىلى

ئىما-ئىشارەتلىك

ئىمپورت

ئىمپۇلس

ئىمپۇلسلىق

ئىمپېراتور

ئىمپېراتورلۇق

ئىمپېرىئالىزم

ئىمپېرىئالىست

ئىمپېرىيە

ئىمتىلائىي

ئىمتىلائىي كېسەللىكلەر

ئىمتىھان

ئىمتىھانسىز

ئىمتىھانلىق

ئىمتىياز

ئىمتىيازچىلىق

ئىمتىيازسىز

ئىمتىيازلىق

ئىمزا

ئىمزاسىز

ئىمزالاتماق

ئىمزالاشماق

ئىمزالانماق

ئىمزالىق

ئىمزالىماق

ئىمكان

ئىمكان بار

ئىمكان بەرمەك

ئىمكانقەدەر

ئىمكانىيەت

ئىمكانىيەتلىك

ئىملا

ئىملا قائىدىسى

ئىملىق

ئىملىماق

ئىممۇنوبىئولوگىيە

ئىممۇنوپاتولوگىيە

ئىممۇنوخىمىيە

ئىممۇنوفارماكولوگىيە

ئىممۇنوگېماتولوگىيە

ئىممۇنوگېن

ئىممۇنوگېنېتىكا

ئىممۇنولوگىيە

ئىممۇنولوگىيىلىك

ئىممۇنىتېت

ئىممۇنىتېتچان

ئىممۇنىتېتچانلىق

ئىممۇنىتېتلىغۇچى

ئىممۇنىتېتلىق

ئىمىر-چىمىر

ئىمىش

ئىنⅠ

ئىنⅡ

ئىناق

ئىناقسىز

ئىناقسىزلىق

ئىناقلاشتۇرماق

ئىناقلاشماق

ئىناقلىق

ئىنئام

ئىنانچى

ئىنانماق

ئىناۋەت

ئىناۋەتسىز

ئىناۋەتسىز قىلماق

ئىناۋەتسىزلىك

ئىناۋەتلىك

ئىنايەت

ئىنەك

ئىنەكپىتى

ئىن-تاڭ

ئىنتايىن

ئىنترادا

ئىنتوناتسىيە

ئىنتوناتسىيىلىك

ئىنتېرفېرومېتىر

ئىنتېرفېرېن

ئىنتېرفېرېنسىيە

ئىنتېرفېرېنسىيىلىك

ئىنتېرناتسىئونال

ئىنتېرناتسىئونالچى

ئىنتېرناتسىئونالىزم

ئىنتېرناتسىئونالىزملىق

ئىنتېرۋال

ئىنتېگرال

ئىنتېگراللانغۇچى

ئىنتېگراللانماق

ئىنتېگراللىماق

ئىنتىزار

ئىنتىزارلىق

ئىنتىزام

ئىنتىزام جازاسى

ئىنتىزامچان

ئىنتىزامچانلىق

ئىنتىزامسىز

ئىنتىزامسىزلىق

ئىنتىزاملىق

ئىنتىقام

ئىنتىلدۈرمەك

ئىنتىلمەك

ئىنتىلىشچان

ئىنتىلىشچانلىق

ئىنتىلىشمەك

ئىنتىم

ئىنتىم لىرىكا

ئىنجاⅠ

ئىنجاⅡ(ئىنجاسى)

ئىنجاⅢ

ئىنجىتماق

ئىنجىق

ئىنجىقلاتماق

ئىنجىقلاشماق

ئىنجىقلىق

ئىنجىقلىماق

ئىنجىل

ئىنجىمارۇق

ئىنچىكە

ئىنچىكە بەل

ئىنچىكە تىلى بار

ئىنچىكە سۇۋاق

ئىنچىكە ئۈچەي

ئىنچىكىلەتمەك

ئىنچىكىلەشتۈرمەك

ئىنچىكىلەشمەك

ئىنچىكىلەنمەك

ئىنچىكىلىك

ئىنچىكىلىمەك

ئىندوس

ئىندوس قومۇشى

ئىندول

ئىندۇكتور

ئىندۇكتىپ

ئىندۇكسىئون

ئىندۇكسىيە

ئىندۇكسىيىلەنمەك

ئىندۇكسىيىلىك

ئىندۇكسىيىلىك توك

ئىندۇكسىيىلىمەك

ئىندېكس

ئىندېكىسلىق

ئىندېن

ئىندىئان

ئىندىكاتور

ئىندىن

ئىندىنلىق

ئىندىۋىد

ئىندىۋىدلىق

ئىندىۋىدۇئال

ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرماق

ئىندىۋىدۇئاللاشماق

ئىندىۋىدۇئاللىق

ئىندىي

ئىنژېنېر

ئىنژېنېرلىق

ئىنساپ

ئىنساپ-تەۋپىق

ئىنساپ-دىيانەت

ئىنساپسىز

ئىنساپسىزلىق

ئىنساپلىق

ئىنسان

ئىنسان قېلىپىدىن چىقماق

ئىنسانپەرۋەر

ئىنسانپەرۋەرلىك

ئىنسانچىلىق

ئىنسانشۇناس

ئىنسانشۇناسلىق

ئىنسانلارچە

ئىنسانلىق

ئىنسانىي

ئىنسانىيەت

ئىنسانىيەتچىلىك

ئىنسانىيلاشتۇرماق

ئىنسانىيلاشماق

ئىنسانىيلىق

ئىنستىتۇت

ئىنس-جىن

ئىنسۇجىن

ئىنسۇلىن

ئىنسىقتى

ئىنشا

ئىنشائات

ئىنشائاللا

ئىنفرا

ئىنفرا قىزىل نۇر

ئىنفۇرزورىيە

ئىنفىلتراتسىيە

ئىنقىلاب

ئىنقىلابچى

ئىنقىلابىي

ئىنقىلابىيلاشتۇرماق

ئىنقىلابىيلاشتۇرۇلماق

ئىنقىلابىيلاشماق

ئىنقىلابىيلىق

ئىنكار

ئىنكارچى

ئىنكارچىلىق

ئىنكاس

ئىنكاس قايتۇرۇش

ئىنكۇباتور

ئىنگە

ئىنگلىز

ئىنگلىزچە

ئىنلىماق

ئىنمەك

ئىنېرت

ئىنېرت گازلار

ئىنېرتسىيە

ئىنېرتسىيىسىز

ئىنېرتسىيىلىك

ئىنېرتلىق

ئىنى

ئىنىكئانا

ئىنىلىق

ئىھاتە

ئىھتىدا

ئىئوردانىيە

ئىئولىت

ئىئونⅠ

ئىئونⅡ

ئىئونلار

ئىئونلاشتۇرماق

ئىئونلاشماق

ئىئونلانماق

ئىئونلۇق

ئىئونلۇق باغ

ئىئونلىماق

ئىئونلىشىش

ئىئونىتلار

ئىۋرىق

ئىۋىتمەك

ئىۋىق

ئىۋىقلار

ئىۋىقلانماق

ئىۋىقلىماق

ئىۋىكسېنت

ئىۋىمەك

ئىيۇل

ئىيۇن

ئىيىن

ئىزاھى

ئىⅠ

  • ئىⅠ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئوتتۇز بىرىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن ئوتتۇز بىرىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ئى» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ئى∥ى»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ئى∥ى»، باش ۋە ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ى∥ئى»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىى∥ئى»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ئى».

  • «ئى» تاۋۇشى تەلەپپۇز قىلغاندا پەيدا بولۇش ئورنى ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇشقا تەۋە بولۇپ، ئۇ تىل ئورنى ۋە تىلىدىكى رولى جەھەتتىن ئارا سوزۇق تاۋۇش، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش دەرىجىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىن سەل ئېگىز سوزۇق تاۋۇشتۇر.

  • «ئى» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • 1. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇملىرىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى شۇ سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلىنىشى ياكى باشقا تەركىبلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇرغۇسى كېيىنكى بوغۇملارغا يۆتكەلسە، ئاجىزلىشىپ «ئى» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، ئىملادا شۇ بويىچە يېزىلىدۇ ھەم شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • باغلا − باغلىغان

  • سۆزلە − سۆزلىگەن

  • خىتابنامە − خىتابنامىسى

  • كىتابخانا − كىتابخانىسى

  • 2. بىرىنچى تەركىبى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلىشىپ، ئىككىنچى تەركىبى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان، ئۇرغۇسى تۇراقلىق بولغان سۆزلەردىن باشقا سۆزلەردە بىرىنچى تەركىبنىڭ ئاخىرىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى نۇتۇقتا «ئى» غا ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئىملادا ئەينەن يېزىلىدۇ.

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • قارائۆرۈك قارىئۆرۈك

  • مىرزائەخمەت مىرزىئەخمەت

  • ئەگىمە يول ئەگىمىيول

  • 3. ئىككىنچى بوغۇمى ئېگىز سوزۇق تاۋۇش «ئى» بىلەن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا، ئىككىنچى بوغۇم ئۇرغۇسىنى يوقاتسا «ئى» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئەسلى ئۈچ بوغۇملۇق سۆزلەر ئىككى بوغۇم بويىچە قالىدۇ. مۇنداق سۆزلەر ئىملادا چۈشۈپ قالغىنى بويىچە يېزىلىدۇ ۋە شۇنداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىسىم + ى = ئىس (ى) مى سىڭىل + ىم = سىڭ (ى) لىم

  • 4. رۇس ۋە ياۋروپا تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان، سۆز بېشىدا «س، ش» تاۋۇشلىرىدىن كېيىن «ت، پ، ك، ف» تاۋۇشلىرىنىڭ كېلىشى ئارقىلىق بىر بوغۇمدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش قاتار كېلىپ قالىدىغان بەزى سۆزلەردە «س» ياكى «ش» تاۋۇشنىڭ ئالدىغا «ئى» سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن:

  • ئەسلىسى ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزى

  • شىكاف ئىشكاپ

  • ستانسا ئىستانسا

  • ستاكان ئىستاكان

  • شتات ئىشتات

  • 5. بىرىنچى تەركىبنىڭ ئاخىرىدا «ئا» ۋە «ئە» تاۋۇشلىرى كېلىدىغان بىرىككەن سۆزلەر، يەر-جاي ناملىرى، جۈپ سۆزلەر، بىرىكمىلەر ۋە سۆز بىرىكمىلىرىدىكى «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئۇرغۇنىڭ كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكى سەۋەبىدىن تەلەپپۇزدا «ئى» غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • قاراماي قارىماي

  • جىگدە مازار جىگدىمازار

  • ئالما مۇرابباسى ئالمىمۇرابباسى

  • 6. يەر-جاي ناملىرىنىڭ بىرىنچى تەركىبىنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى ئىككىنچى، تەركىبنىڭ بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇش بىلەن يانداش كەلسە ئۇرغۇ كېيىنكى بوغۇمغا يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن تەلەپپۇزدا «ئى» غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ياقا ئۆستەڭ ياقىئۆستەڭ

  • يەككە ئېرىق يەككىئېرىق

  • 7. جۈملە تەركىبىدىكى «ئا» ياكى «ئە» بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەر كېيىنكى تەركىبىگە ئۇلىنىپ ئېيتىلغاندا، «ئا، ئە» تاۋۇشلىرى «ئى» غا ئاجىزلىشىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى: ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراققا قاراش

  • تەلەپپۇزى: ئېگىزدى تۇرۇپ، يىراققى قاراش

  • 8. ئالدىنقىسى «ى»، كېيىنكىسى «ا، و» تاۋۇشلىرىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەردە، مەزكۇر ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىغا «ي» قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • رادىئو رادىيو

  • پىئانىنو پىيانىنو

  • پىئونېر پىيونېر

  • دىئالوگ دىيالوگ

ئىⅡ

  • ئىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «ھەي» سۆزىنىڭ سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ھۆرمەت مەنىسىدە ئېيتىلىشى. قارشى تەرەپكە قارىتا چاقىرىق قىلىش، ئۈندەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ۋەزىر بىركۈنى پادىشاھقا:[مىسال:] ئى جاھاننىڭ ئاپتىپى، ئۇلۇغ شاھىم ھېلىقى دانىشمەننىڭ جانابلىرىنى كۆزگە ئىلماي قىلىۋاتقان ئەدەپسىزلىكلىرىگە چىداپ تۇرالمىدىم، دەپتۇ.

ئىئانە

  • ئىئانە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش ياكى پائالىيەت ئۈچۈن بېرىلگەن ماددىي ياردەم:[مىسال:] ئىئانە بەرمەك. ئىئانە قىلماق.[يەشمىسى:] ② ياردەم قىلىش، قوللاش مەقسىتىدە يىغىدىغان پۇل:[مىسال:] ئۇ ئۈرۈمچىدە يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيىلەرنى كۆرۈپ، بۇ بەختسىزلەرگە ئىچى ئاغرىدى-دە، ئىئانىگە كىرىشتى.

ئىبادەت

  • ئىبادەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تەڭرىگە ئىتائەت قىلىش، تەڭرىنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش يۈزىسىدىن قىلىنىدىغان دىنىي مەجبۇرىيەت؛ مۇراسىم، ناماز:[مىسال:] ئىبادەت قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئىبادەتگاھ

  • ئىبادەتگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىبادەت قىلىدىغان جاي، ئىبادەت قىلىدىغان ئۆي.

ئىبادەتخانا

  • ئىبادەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ھەرقايسى دىندىكى دىنىي مۇرىتلارنىڭ ئۆز تەڭرىسىگە سىغىنىپ دۇئا-تىلاۋەت، توۋا-ئىستىغپار ئېيتىدىغان جايى؛ ئىبادەتگاھ.

ئىبارە

  • ئىبارە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىر ياكى بىردىن ئارتۇق سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسى، قىسقا جۈملە قاتارلىقلار:[مىسال:] ئوبرازلىق ئىبارە.

ئىبارەت

  • ئىبارەت[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى «-دىن، -تىن» بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملارنىڭ ئارقىسىغا تىركىلىپ كېلىپ، «تەشكىل تاپقان، تەركىب تاپقان، ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان، بولغان؛ تۈزۈلگەن» دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئىبەرمەك

  • ئىبەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئەۋەتمەك، يوللىماق:[مىسال:] مېنى سېنىڭ ئالدىڭغا يولغا سالغان، مانا، ئۇنىڭ ساڭا ئىبەرگەن سوۋغىسى.

ئىبرانىي

  • ئىبرانىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] قەدىمكى يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبرەت

  • ئىبرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەر ئۈلگە ئېلىشقا بولمايدىغان، ساقلىنىش ئۈچۈن ساۋاق بولىدىغان ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە:[مىسال:] ئىبرەت ئالماق. ئىبرەت قىلماق.

ئىبرەتلەنمەك

  • ئىبرەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىبرەت ئالماق:[مىسال:] مەن ئۇ ئىشتىن ئىبرەتلەندىم.

ئىبرەتلىك

  • ئىبرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىبرەت ئېلىشقا بولىدىغان، ئىبرەت قىلىدىغان؛ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار، تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە:[مىسال:] ئىبرەتلىك سۆزلەر. ئىبرەتلىك ئەسلىمە.

ئىبرەتنامە

  • ئىبرەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە ھەققىدە باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغان خەت:[مىسال:] كۆزۈم توغرىسىدىكى ۋەقە يىڭنە بىلەن كۆزنىڭ ئېقىغا يازغۇدەك ئىبرەتنامىدۇر.

ئىبرېي

  • ئىبرېي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] «ئىبرانىي»غا قاراڭ.

ئىبلىس

  • ئىبلىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي چۈشەنچىدە ئادەملەرنى يولدىن ئازدۇرىدىغان، يامان يولغا باشلايدىغان رەزىل مەخلۇق؛ شەيتان:[مىسال:] «ئەنە شۇ كىشىمۇ مېنىڭ قىزلىق، ئۇيقۇسىز كېچىلىرىمنىڭ ئىبلىسى بولغانىدى» دەپ ئويلىدى رازىيە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قەبىھ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئىنتايىن ھىيلىگەر، مەلئۇن، لەنىتى، ساختىپەز (يامان ئادەم ھەققىدە):[مىسال:] ئۇلار ھاراقنى بوتىلكىسى بىلەنلا ئاغزىغا قۇيۇپ ئىچىۋېرىپ، مەست بولۇپ ئىبلىسقا ئوخشاپ قالدى.

ئىبلىسلىق

  • ئىبلىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەيتانلىق، رەزىللىك؛ قەبىھلىك، ساختىپەزلىك:[مىسال:] -شۇنداق، ئادەملەرنىڭ كاللىسىدىكى ئويىنى بىلىۋالىدىغان ئىبلىسلىقىممۇ بار.

ئىپادە

  • ئىپادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ھاسىل بولغان ئوي-پىكىر، ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرگەن بەلگە؛ ھالەت:[مىسال:] ئىپادە قىلماق. ئىپادە بىلدۈرمەك. * ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئۆزئارا بىرەر باغلىنىشنى بىلدۈرىدىغان فورمۇلا؛ تەڭلىمە:[مىسال:] تۆت ئەمەللىك ئىپادە. ئالگېبرالىق ئىپادە.

ئىپادىسىز

  • ئىپادىسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىپادىسى يوق، ئىپادە بىلدۈرمىگەن:[مىسال:] ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈنلەي ئىپادىسىز، كۈلگىنى بىلەن كۈلمىگىنىنىڭ پەرقى يوق نۇرغۇن تەلەتلەرنىمۇ ئۇ دائىم مۇشۇ ئائىلىدە ئۇچرىتىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىپادە بىلدۈرمىگەن ھالدا، مەقسەتسىز:[مىسال:] ئالمىچى ماڭا ھېچ ئىپادىسىز قاراپ تۇراتتى.

ئىپادىلەش

  • ئىپادىلەش[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىي ئىجادىيەتتە قوللىنىدىغان ھەر خىل كونكرېت ئوبراز يارىتىش ئۇسۇللىرى، ئەدەبىياتتىكى ئىپادىلەش مۇنداق بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1) تىلنى قانداق قوللىنىپ بايان قىلىش ۋە تەسۋىرلەش؛ 2) ھېكايە سۇژىتىنى ۋە پېرسوناژلار ئوبرازىنى قانداق تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش؛ 3) مۇبالىغە، ئوخشىتىش، كۈچەيتىش، ھەجۋىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قانداق قوللىنىش قاتارلىقلار.

ئىپادىلەشمەك

  • ئىپادىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىپادىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەخسۇت مۇھىتى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈمسىرەپ كۆپچىلىكنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئىپادىلەشتى.

ئىپادىلەنمەك

  • ئىپادىلەنمەك[يەشمىسى:] ① «ئىپادىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھەم ئېچىنىش ھەم نارازىلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② «ئىپادىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن قانداقتۇر بىر سوئال ئالامىتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

ئىپادىلىك

  • ئىپادىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە، ئىپادىلەيدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ شوخ، ئىپادىلىك كۆزلىرى قىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى.

ئىپادىلىمەك

  • ئىپادىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەكس ئەتتۈرمەك، بىلدۈرمەك:[مىسال:] سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىپادىلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② سۆز بىلەن بايان قىلماق، ئاڭلاتماق، تەبىر بەرمەك:[مىسال:] قىز ئەنە شۇ كىتابلار ئارقىلىق ئۆز قەلبىنى يىگىتكە ئىپادىلەيتتى. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] فورمۇلا ئارقىلىق تەبىر بەرمەك، بىلدۈرمەك، كۆرسەتمەك.

ئىپار

  • ئىپار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىپار كېيىكىنىڭ كىندىكىدىن، بەزى كالىلارنىڭ جىنسىي بېزىدىن ئېلىنىدىغان خۇش پۇراقلىق ماددا:[مىسال:] ئىپارنىڭ شىپالىق رولى زور.[يەشمىسى:] ② شۇ ماددىنىڭ خۇشبۇي ھىدى، پۇرىقى:[مىسال:] مۇزلار ئېرىپ، كېتىپ قار، يېتىپ كەلدى گۈلباھار. زەپ ياساندى تەبىئەت، چاچتى گۈللەر خۇش ئىپار.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئىپار-ئەنبەر

  • ئىپار-ئەنبەر[يەشمىسى:] ئىپار ۋە ئەنبەر.

ئىپارچاشقان

  • ئىپارچاشقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىپار+چاشقان[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. رەڭگى قارا، كۆزلىرى كىچىك، قۇلاقلىرى قىسقا، قۇيرۇقى مايماق كېلىدۇ. ئاساسەن زەيكەشلىك ۋە سۇ بويلىرىدا ياشاپ، سۇ بويىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدۇ، تېرىسىدىن كىيىم تىككىلى بولىدۇ.

ئىپار-زەپەر

  • ئىپار-زەپەر[يەشمىسى:] ئىپار ۋە زەپەر، ئىپار-جەمبىل:[مىسال:] ئىپار-زەپەر پۇراپ كەتمەك.

ئىپاركالا

  • ئىپاركالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىپار+كالا[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. شەكلى كالىغا ئوخشايدۇ، ئەمما سەل كىچىكرەك. بېشى چوڭ ۋە كەڭ، تۆت ئايىغى قىسقا، بوينى ۋە قۇيرۇقى ناھايىتى قىسقا كېلىدۇ. تۈكلىرى ئۇزۇن بولۇپ بېغىر رەڭدە. تېرە ئاستىدا بەز تەنچىسى بولۇپ، ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقى ئالاھىدە خۇشبۇي پۇرايدۇ. شىمالىي ئامېرىكىدىكى شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا ياشايدۇ.

ئىپاركېيىك

  • ئىپاركېيىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىپار+كېيىك[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. شەكلى كېيىككە ئوخشايدۇ، ئەمما سەل كىچىكرەك، مۈڭگۈزى يوق، ئالدى پۇتى قىسقا، ئارقا پۇتى ئۇزۇن، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ. قۇيرۇقى قىسقا بولىدۇ. تۈكلىرى توق قوڭۇر ياكى كۈل رەڭگە مايىل قوڭۇر كېلىدۇ. ئەركىكىنىڭ قوزۇق چىشى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئېغىز سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ. كىندىكى بىلەن كۆپىيىش ئەزاسى ئوتتۇرىسىدا بەز خالتىسى بولۇپ، ئىپار ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

ئىپارگۈل

  • ئىپارگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىپار+گۈل[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مىرتا ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. مەنزىرەئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئىپارلىق

  • ئىپارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىپار پۇرايدىغان، ئىپار پۇرىقىغا ئىگە:[مىسال:] سېنىڭ كۆكسۈڭدىكى گۈللۈك ياراشقان خالغا ئوخشايدۇ، تۈمەن گۈلنىڭ ئىپارلىق خۇش پۇراقسىمان گۈزەل ھېيتكا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىپار پۇرايدىغان يەر:[مىسال:] ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرى چىمەنزارلىق، خۇش ھاۋالىق جۇلالىق ھەم ئىپارلىق. بىر يېنىدا ئېچىلسا رەيھانگۈلى، بىر يېنىدا ئېچىلار پىچانگۈلى.

ئىپپەت

  • ئىپپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئاياللارنىڭ جىنسىي پاكلىقى. [يەشمىسى:] ② ۋىجدانىي پاكلىق، نومۇس، ھايا:[مىسال:] ئىپپىتىگە تەگمەك.

ئىپپەتلىك

  • ئىپپەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىپپىتىنى ساقلىغان، نومۇسلۇق؛ پاك:[مىسال:] قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئۇيىلاتتى، خوتۇنلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ ۋاپادارلىقىنى يوشۇراتتى.

ئىپپەت-نومۇس

  • ئىپپەت-نومۇس[يەشمىسى:] ئىپپەت ۋە نومۇس:[مىسال:] ئىپپەت-نومۇسىنى ساقلىماق. ئىپپەت-نومۇسىغا تەگمەك.

ئىپپەت-نومۇسلۇق

  • ئىپپەت-نومۇسلۇق[يەشمىسى:] ئىپپەت ۋە نومۇسى بار، ئىپپەت-نومۇسىنى يوقاتمىغان:[مىسال:] ۋىجدانلىق ئاياللار ھەر ئىشتا سەۋرلىك، چىداملىق، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغۇچى ئىپپەت-نومۇسلۇق، قەلبى، كۆڭلى ساپ بولىدۇ.

ئىپتار

  • ئىپتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] روزا كۈنلىرى شام پەيتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېغىز ئېچىش ئىشى:[مىسال:] ئىپتار ۋاقتى. ئىپتار قىلماق.

ئىپتارچى

  • ئىپتارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىپتار قىلغۇچى كىشى.

ئىپتارلىق

  • ئىپتارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىپتار ۋاقتىدا يېيىشكە تەييارلانغان ئاش-تاماق، يېمەكلىك:[مىسال:] ئىپتارلىق تاپماق. ئىپتارلىق يېمەك.

ئىپتىخار

  • ئىپتىخار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان، پەخىرلەنسە بولىدىغان ئىش، بىركىم ياكى نەرسە:[مىسال:] ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىپتىخارى.[يەشمىسى:] ② شان-شەرەپ ھېسسى، پەخىر؛ پەخىرلىنىش:[مىسال:] مېنىڭ شۇ تاپتا ئوسمان مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمەت، ئىپتىخارىم يالقۇنجايتتى.

ئىپتىخارلاندۇرماق

  • ئىپتىخارلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ئىپتىخارلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەربىر خۇلاسىسى بىزنى ئادەمدە شۇ قەدەر تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچنىڭ بولغانلىقى بىلەن ئىپتىخارلاندۇرىدۇ.

ئىپتىخارلانماق

  • ئىپتىخارلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىپتىخارلىق ھېس قىلماق، پەخىرلەنمەك:[مىسال:] ئۇ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇنچىۋالا ياخشى ئوغلىنىڭ بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلاندى.

ئىپتىخارلىق

  • ئىپتىخارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىپتىخارلانسا ئەرزىيدىغان، ئىپتىخارلانسا بولىدىغان، ئىپتىخار ئىپادىلەنگەن، پەخىرلىك:[مىسال:] مەن چەكسىزئىپتىخارلىق ھېسسىياتىم بىلەن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، ئالدى بىلەن مۇنۇ شېئىرنى يېزىپ چىقتىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىپتىخارلىنىش، پەخىرلىنىش:[مىسال:] مەن بۇ ئىشتىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجانغا، ئىپتىخارلىققا چۆمدۈم.

ئىپتىدا

  • ئىپتىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دەسلەپ، ئاۋۋال:[مىسال:] ئىپتىخارلىق تۇيغۇدىن مەڭزىمدە شادلىق تامچە ياش، ئەل باھارى سەن بىلەن تارىختا بولغاچ ئىپتىدا. ∥ ئىپتىدانى باشلايمىز، شېھىدانە خوتەندىن. باتۇرلارنى ئۆستۈرگەن، شان-شەۋكەتلىك ۋەتەندىن.

ئىپتىدائىي

  • ئىپتىدائىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەڭ دەسلەپتىكى، ئەڭ يىراق قەدىمكى زاماندىكى، دەسلەپكى، باشلانغۇچ:[مىسال:] ئىپتىدائىي دەۋر. ئىپتىدائىي مەكتەپ.[يەشمىسى:] ② ئەڭ ئاددىي، ساددا، يۈزەكى:[مىسال:] بۇ خىل ئىپتىدائىي ھېسسىيات ھەممىلا كىشىدە بولىدۇ.

ئىپتىدائىي جامائە

  • ئىپتىدائىي جامائە[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تارىخىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات. نەچچە يۈز مىڭ يىلغا سوزۇلغان. ئۇ ئانىلىق ئۇرۇق جامائەسى ۋە ئاتىلىق ئۇرۇق جامائەسىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىپتىدائىي جەمئىيەت

  • ئىپتىدائىي جەمئىيەت[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى جەمئىيەت. ئۇ ئىپتىدائىي توپ (گۇرۇپپا) لارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن باشلاپ ئانىلىق ئۇرۇق جامائەسى، ئاتىلىق ئورۇق جامائەسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىپتىدائىي جامائە پارچىلانغانغا قەدەر داۋام قىلغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تۆۋەن ھالەتتە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولغان. كىشىلەر بىرلىكتە ئىشلەپ، بىرلىكتە ئىستېمال قىلغان، ئېكىسپىلاتاتسىيە، سىنىپ بولمىغان. كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى قۇلدارلىق جەمئىيەت ئىگىلىگەن.

ئىپتىدائىيلىق

  • ئىپتىدائىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىپتىدائىي تۈس-خۇسۇسىيەتكەئىگىلىك، شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگەبولۇش:[مىسال:] ئۇلارنىڭ نەغمىلىرىدە بىر خىل ئىپتىدائىيلىق چىقىپ تۇرماقتا.

ئىپرىت

  • ئىپرىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «ئىپرىت گازى»غا قاراڭ.

ئىپرىت گازى

  • ئىپرىت گازى[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. رەڭسىز، مايسىمان سۇيۇقلۇق. قىچا ئۇرۇقى ۋە سامساق تەمىگە ئىگە. ئىنتايىن زەھەرلىك، تېرىنى كۆيدۈرىدۇ. ئىلگىرىكى ئۇرۇشلاردا زەھەرلىك گاز ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.

ئىپلاس

  • ئىپلاس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاك ئەمەس، پاسكىنا:[مىسال:] ئىپلاس نەرسە.[يەشمىسى:] ② [مىسال:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەرقانداق بىر ئىشقا توغرا نىيەتتە بولمايدىغان؛ رەزىل، قارا نىيەت، پەس، شەرمەندە؛ قەبىھ:[مىسال:] ئىپلاس كىشى. * مەن سىلەرنىڭ بۇنچە ئىپلاس ئادەملەر ئىكەنلىكىڭلارنى بىلمەپتىمەن. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇنداق ئادەم ياكى نەرسە:[مىسال:] بۇ ئىپلاس تۈرمىدىن قاچقانىكەن.

ئىپلاسلارچە

  • ئىپلاسلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىپلاسلارغا خاس، ئىپلاسلارغا ئوخشاش:[مىسال:] ئىپلاسلارچە ئىش قىلماق.

ئىپلاسچىلىق

  • ئىپلاسچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىپلاسلارغا خاس ئىش-ھەرىكەت، ئىپلاسلىق:[مىسال:] بۇ نېمىدېگەن ئىپلاسچىلىق-ھە

ئىپلاسلاشماق

  • ئىپلاسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىپلاس ھالەتكە كەلمەك، مەينەت بولماق، پاسكىنا بولماق:[مىسال:] يوللار بارغانسېرى ئىپلاسلىشىپ كەتتى.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پەسكەشلەرچە ئىش قىلىدىغان بولۇپ قالماق، رەزىل، پەسكەش بولۇپ قالماق، رەزىللەشمەك:[مىسال:] ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئىپلاسلىشىپ كەتتى.

ئىپلاسلىق

  • ئىپلاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەزىللىك، پەسكەشلىك؛ مەينەت، پاسكىنىلىق، بىزەپلىك:[مىسال:] ئۇ كۆڭۈلنى ئايلاندۇرىدىغان ئىپلاسلىق ئىچىگە چۈشتى.

ئىپومېيە

  • ئىپومېيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يۆگەي ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يۇمران غول، يوپۇرماقلىرىنى كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ.

ئىت

  • ئىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. خىللىرى كۆپ. پۇراش ۋە ئاڭلاش سېزىمى ئۆتكۈر كېلىدۇ. تۈكلىرى ھەرخىل رەڭلەردە بولىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئۆي ھايۋىنى ھېسابلىنىپ، كۆندۈرۈش ئارقىلىق ئۆي بېقىش ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا ئىشلەتكىلى ياكى ھەربىي، قانۇن ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرگىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئون ئىككى مۆچەلنىڭ ئون بىرىنچىسى، يەنى مۆچەل يىل ھېسابىدىكى ئون بىرىنچى يىل: ئىت يىلى.

ئىت بورسۇق

  • ئىت بورسۇق[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تۈكلىرى كۈل رەڭ قورسىقى ۋە تۆت پۇتى قارا كېلىدۇ. بېشىدا توغرىسىغا كەتكەن ئۈچ تال يولى بولىدۇ. پۇتلىرىدا ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر كەلگەن تىرناقلىرى بولۇپ، توپا كولاشقا ماھىر كېلىدۇ. ئادەتتە تاغ-دالىلاردا ئۇۋا كولاپ ماكان تۇتىدۇ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدۇ. مايلىرىدىن چەككىلەپ ئېلىنغان ياغ بىلەن كۆيۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

ئىت پوق يېمەستە

  • ئىت پوق يېمەستە[يەشمىسى:] ئورنىدىن تۇرۇپ تېخى ھېچقانداق بىر ئىشقا تۇتۇش قىلمىغان چاغدا، قاق سەھەردە، ناھايىتى ئەتىگەندە:[مىسال:] بىركىم سېغىنىپ قالغاندەك ئىت پوق يېمەستە بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسەن دەپ سورىدى ھېكىم نۇر.

ئىت خۇي

  • ئىت خۇي[يەشمىسى:] «ئىت مىجەز»گە قاراڭ:[مىسال:] ئىت خۇي ئادەم.

ئىت مۇرۇن

  • ئىت مۇرۇن[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئازغان»غا قاراڭ.

ئىت مىجەز

  • ئىت مىجەز[يەشمىسى:] مىجەزى ئىتتىك، كىشىگە ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان، ئاسان سوقۇشۇپ قالىدىغان، يۈز-خاتىر قىلمايدىغان:[مىسال:] ئىت مىجەز ئادەم. ئىت مىجەز ئايال.

ئىتنىڭ بالىسى

  • ئىتنىڭ بالىسى[يەشمىسى:] «ئادەم ئەمەس، ھايۋان» دېگەن مەنىدىكى تىل-ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] بۇ ئىتنىڭ بالىسىنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، قانداق قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن.

ئىتنىڭ قۇرتىدەك

  • ئىتنىڭ قۇرتىدەك[يەشمىسى:] ناھايىتى كۆپ، ناھايىتى جىق، مىغ-مىغ:[مىسال:] بۈگۈن يەكشەنبە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ قانداق بازارغا كىشىلەر ئىتنىڭ قۇرتىدەك يامراپ كەتكەنىدى.

ئىتنىڭ كۈنى

  • ئىتنىڭ كۈنى[يەشمىسى:] خار-زار تۇرمۇش، ئاچ-توق ھايات، ئىنتايىن خارلىق:[مىسال:] بىزنىڭ كۈنىمىز ئىتنىڭ كۈنى دېسىلە، ئىتنىڭ كۈنى.

ئىت ئۇۋىسى

  • ئىت ئۇۋىسى[يەشمىسى:] تۇرخۇننىڭ كاڭ بىلەن تۇتاشقان قىسمىنىڭ ئۇدۇلىغا ئىسنى راۋان ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئويۇلغان ئورەكچە.

ئىت ئېيىقى

  • ئىت ئېيىقى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تېنى ناھايىتى چوڭ، قۇيرۇقى قىسقا، پۇت ئالىقىنى چوڭ، پەنجىلىرىدە ئىلمىكى ۋە مەيدىسىدە ھىلال ئاي شەكىللىك ئاق ئالىسى بولىدۇ، قالغان قىسمى قارا كېلىدۇ، سۇ ئۆزەلەيدۇ ۋە دەرەخكە چىقالايدۇ. گۆشى، ئۆتى ۋە مېيى دورا قىلىنىدۇ. ئالىقىنى بولسا قىممەتلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئىت يالىقى

  • ئىت يالىقى[يەشمىسى:] «خار، پەس، پەسكەش» دېگەن مەنىلەردىكى تىل-ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] ئۆزۈڭمۇ، ئېرىڭمۇ كېسەل كۆرپىسى، ئىت يالىقى.

ئىت يالىقىنى يالىماق

  • ئىت يالىقىنى يالىماق[يەشمىسى:] ئىتنىڭ ئورنىدا كۈن كەچۈرمەك، خار-زارلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] يوقال بەزگەك، ئىت يالىقىنى يالاپ كۈن ئالىدىغان بەدرەك، دېدى زەۋقى.

ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە

  • ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە[يەشمىسى:] ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت جەريانىدا:[مىسال:] مەن كۈچۈم ھالال، ئۆزۈم ھارام ئادەم مەن، ئېشەكتەك ئىشلەيمەن، ئەمما ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە بەش موچەنلىك پۇل كۆرۈپ باقمىدىم، دەپ زارلاندى ئۇ.

ئىتائەت

  • ئىتائەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاش، بۇيرۇغىنىنى قىلىش، ئەمرىنى ئورۇنلاش؛ بويسۇنۇش:[مىسال:] ئىتائەت قىلماق.

ئىتائەتچان

  • ئىتائەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىتائەت قىلىدىغان، بويسۇنىدىغان، ئىتائەتكار:[مىسال:] شۇ كۈنلەردە قۇناخۇننىڭ نەزىرىدە پۈتۈن ئەزالار گويا ئىتائەتچان چاكار، ئۆزى گويا سەلتەنەتلىك شاھ بولۇپ قالغانىدى.

ئىتائەتچانلىق

  • ئىتائەتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۈچلۈك ئىتائەت قىلىش، بويسۇنۇش خاراكتېرى، خۇسۇسىيىتى:[مىسال:] ئىتائەتچانلىق بىلەن ئىش قىلماق.

ئىتائەتسىز

  • ئىتائەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىتائەت قىلمايدىغان، بويسۇنمايدىغان:[مىسال:] ئىتائەتسىز ئادەم. ئىتائەتسىز بالا.

ئىتائەتسىزلىك

  • ئىتائەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتائەت قىلماسلىق، بويسۇنماسلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ سۆيۈملۈك ئېتى ئۇنىڭغا ھېچقاچان مۇنداق ئىتائەتسىزلىك قىلىپ باقمىغانىدى.

ئىتائەتكار

  • ئىتائەتكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىركىمگە ئىتائەت قىلغۇچى، بويسۇنغۇچى كىشى:[مىسال:] مەن بۇ ئىشتا ئەنە شۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى ئىتائەتكارمەن، دەپتۇ ئۇ.

ئىتائەتكارلىق

  • ئىتائەتكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش:[مىسال:] شۇ چاغدا مەن ئىتائەتكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ كەتتىم.

ئىتائەتكارانە

  • ئىتائەتكارانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىتائەتكارلىق بىلەن، ئىتائەت قىلىپ، بويسۇنۇپ.

ئىتائەتلىك

  • ئىتائەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىتائەت قىلىدىغان، بويسۇنىدىغان:[مىسال:] ئىتائەتلىك بالا. * ئۇ مېھرىبان، ياخشى، ئىتائەتلىك بىر ئادەم ئىدى.

ئىتائەتمەن

  • ئىتائەتمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىتائەت قىلىدىغان، ئىتائەتلىك، ئىتائەتچان:[مىسال:] قارىسام ئۇ ئاۋۋالقى مۇلايىم، ساددا، ئىتائەتمەن تۇردى ئاكامغا ھېچلا ئوخشىمايتتى.

ئىتائەتمەنلەرچە

  • ئىتائەتمەنلەرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىتائەتمەن كىشىلەرگە خاس، ئىتائەتمەن كىشىلەرگە ئوخشاش:[مىسال:] شەمەر ئورنىدىن سەل قوزغىلىپ، ئىتائەتمەنلەرچە تەلەپپۇزدا ئاستاغىنا جاۋاب بەردى.

ئىتائەتمەنلىك

  • ئىتائەتمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتائەتچانلىق، بويسۇنۇش:[مىسال:] ئۇ چىرايىدىن مۇلايىملىق، ئېرىگە بولغان ئىتائەتمەنلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ساددا بىر ئايال ئىدى.

ئىتاچى

  • ئىتاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىت تالاشتۇرغۇچى كىشى، ئىتۋاز.

ئىتالغۇ

  • ئىتالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىت+ئال+غۇ[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] لاچىنسىمانلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ بىر خىل يىرتقۇچ قۇش.

ئىتاليان

  • ئىتاليان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى .[مىسال:] ئۇلار ئىتالىيىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شىۋىتسارىيىدىمۇ ياشايدۇ.

ئىتاليانچە

  • ئىتاليانچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىتالىيانلارغا، ئىتالىيان خەلقىگە، ئىتالىيان تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت؛ ئىتالىيان خەلقىگە خاس:[مىسال:] ئىتالىيانچە ئۇسسۇل. ئىتالىيانچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتالىيان تىلى ۋە يېزىقى:[مىسال:] ئىتالىيانچىنى نەدە ئۆگىنىپتىكەن[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىتالىيان تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ئىتالىيان تىلىدا:[مىسال:] ئىتالىيانچە سۆزلىمەك.

ئىتپەرەس

  • ئىتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىت دېسە جېنىنى بېرىدىغان، ئىت بېقىشقا، ئىت تالاشتۇرۇشقا بېرىلىپ كەتكەن، ئىتقا ئامراق:[مىسال:] چى بەگلىكىدە ئىتپەرەس بىر ئادەم بار ئىكەن.

ئىتپەرەسلىك

  • ئىتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىت بېقىشقا، ئىت تالاشتۇرۇشقا ئامراقلىق.

ئىتتەرتمەك

  • ئىتتەرتمەك[يەشمىسى:] «ئىتتەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىتتەرمەك

  • ئىتتەرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى مەلۇم كۈچ بىلەن ئەسلىدىكى ئورنىدىن مەلۇم يۆنىلىشكە قارىتىپ سۈرمەك، يۆتكىمەك ياكى سۈرۈش، يۆتكەش ئۈچۈن كۈچەنمەك:[مىسال:] ئىشىكنى ئىتتەرمەك. ھارۋا ئىتتەرمەك. * ئىتتىرىپ بەرگەننى ئىت يېمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارتماق، دۆڭگىمەك:[مىسال:] جاۋابكارلىقنى باشقىلارغا ئىتتەرمەك.

ئىتترىي

  • ئىتترىي[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>خىم[[كەسىپ تۈرى:]>لاتىنچە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى. (yttrium)y قارامتۇل كۈل رەڭ پاراشوك ھالەتتىكى ماددا. ئادەتتە قېتىشما ۋە ئالاھىدە ئەينەكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىتتېربىي

  • ئىتتېربىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى. (ytterbium)Yb ئالاھىدە قېتىشمىلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىتتىپاق

  • ئىتتىپاق[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇرۇپپا، جەمئىيەت، سىنىپ ياكى مىللەت، دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزگەن بىرلەشمىسى؛ بىرلەشمە، ئۇيۇشما:[مىسال:] ئىتتىپاق تۈزمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىناق، يېقىن، قويۇق:[مىسال:] ئىتتىپاق ئائىلە. ئىتتىپاق ئۇرۇق-تۇغقانلار.

ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر

  • ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ، تىنچ بىتەرەپ تۇرۇش ۋە چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان دۆلەتلەر.

ئىتتىپاقچى

  • ئىتتىپاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇيۇشۇش، بىرلىشىش كۈچىگە ئىگە كىشىلەر توپى ياكى خەلق، ئۇيۇشچانلىققا ئىگە كۈچ:[مىسال:] پرولېتارىيات بولسا يەنە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتتىن ئىبارەت مۇشۇنداق شۈبھىسىز ئۇلۇغ ۋە مۇھىم بىر ئىتتىپاقچىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزگەن گۇرۇھ ياكى دۆلەتلەر، ئىتتىپاقداش:[مىسال:] مانا، كۆك دېڭىز ئۈستىدە نەچچە مىڭلىغان ئىتتىپاقچىلار ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ يۈرىدۇ.

ئىتتىپاقداش

  • ئىتتىپاقداش[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزۈپ ياكى ئىتتىپاققا كىرىپ بىرگە ھەرىكەت قىلغۇچى، ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغۇچى گۇرۇھلار ياكى دۆلەتلەر:[مىسال:] ئالتىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاققا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى 1814-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنى پارىژغا كىرگەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر ئىتتىپاققا، بىر بىرلەشمىگە كىرگەن:[مىسال:] ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر.

ئىتتىپاقداشلىق

  • ئىتتىپاقداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئېتتىپاققا، بىر بىرلەشمىگە ئەزا بولۇش مۇناسىۋىتى:[مىسال:] بۇ دۆلەتتە، ئىىتتىپاقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىبارەت دۆلەت تۈزۈلمىسى شەكلىي قوللىنىلدى.

ئىتتىپاقسىز

  • ئىتتىپاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىتتىپاقلاشمىغان، ئىناق ئەمەس:[مىسال:] ئىتتىپاقسىز ئادەملەر.

ئىتتىپاقسىزلىق

  • ئىتتىپاقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتتىپاق، ئىناق بولمىغان ئەھۋال؛ ئىناقسىز ھالەت، ئىناقسىزلىق:[مىسال:] ئىتتىپاقسىزلىقنى تۈگەتمەك.

ئىتتىپاقلاشتۇرماق

  • ئىتتىپاقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىتتىپاقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرماق. مىللەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرماق.

ئىتتىپاقلاشتۇرۇلماق

  • ئىتتىپاقلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئىتتىپاقلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىتتىپاقلاشماق

  • ئىتتىپاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىتتىپاق، ئىناق بولغان ھالەتكە كەلمەك؛ ئىتتىپاق بولماق، بىرلەشمەك، ئۇيۇشماق:[مىسال:] شۇندىن كېيىن ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلاشتى.

ئىتتىپاقلىق

  • ئىتتىپاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز ئارا ئىشىنىش ۋە ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئورنىتىلغان مۇناسىۋەت، يېقىنچىلىق:[مىسال:] ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىق.

ئىتتىتمەك

  • ئىتتىتمەك[يەشمىسى:] «ئىتتىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىتتىرەتمەك

  • ئىتتىرەتمەك[يەشمىسى:] «ئىتتىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىتتىرىشمەك

  • ئىتتىرىشمەك[يەشمىسى:] «ئىتتەرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە ئېچىرقاپ كەتكەن چىلبۆرە كىرىۋالغان چوڭ قوتاندىكى قوي پادىسىدەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان بىئەقىل تۇتقۇنلار «مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز» دەپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىۋاتقۇدەك.

ئىتتىرىلمەك

  • ئىتتىرىلمەك[يەشمىسى:] «ئىتتەرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ چاغدا ئىشىك ئىتتىرىلدى، مەنسۇر ئىلغۇچنى ئاچتى.

ئىتتىك

  • ئىتتىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىش-ھەرىكىتى، سۈرئىتى تېز، چاققان:[مىسال:] قولى ئىتتىك. ئىتتىك كەلمەك.[يەشمىسى:] ② كەسكىن، جىددىي:[مىسال:] ئەكبەر شۇجىنى سالماق دەپ ئاڭلىۋېدىم. ئىتتىك دەمدۇ قانداق[يەشمىسى:] ③ تېز سېتىلىدىغان، بازىرى بار، بېسىلىپ قالمايدىغان:[مىسال:] ئەمدى بىز باھاسى مۇۋاپىق، بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلاردىن يۆتكەپ كەلدۇق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كېسىدىغان، كېسەلەيدىغان، ئۆتىدىغان:[مىسال:] ئىتتىك ئورغاق. ئىتتىك پىچاق.

ئىتتىكلەتمەك

  • ئىتتىكلەتمەك[يەشمىسى:] «ئىتتىكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن بۇ يولدا كۆپ ماڭغىنىم ئۈچۈن قورقماي ھارۋىنى ئىتتىكلەتتىم.

ئىتتىكلەشمەك

  • ئىتتىكلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىتتىكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرۈشى بارغانسېرى ئىتتىكلەشتى.

ئىتتىكلىك

  • ئىتتىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېزلىك، چاققانلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ مېڭىشىنىڭ ئىتتىكلىكىنى قارا. [يەشمىسى:] ② كەسكىنلىك؛ ئالدىراڭغۇلۇق:[مىسال:] -قوغلاش كېرەك-دېدى بىر ياش ئىتتىكلىك قىلىپ.[يەشمىسى:] ③ ئۆتكۈرلۈك، تىغى كۈچلۈكلۈك:[مىسال:] پىچاقنىڭ ئىتتىكلىكى.

ئىتتىكلىمەك

  • ئىتتىكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىتتىك، تېز ھەرىكەت قىلماق؛ تېزلەشمەك:[مىسال:] سۇ بارغانچە ئىتتىكلەپ ئوقتەك تېز ئاقاتتى.[يەشمىسى:] ② كەسكىنلەشمەك، جىددىيلەشمەك:[مىسال:] جېدەل كۆپەيگەنسېرى، مېنىڭ ئەزەلدىنلا تەرسا مىجەزىم خۇددى چاقلىغان پىچاقتەك ئىتتىكلەپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ تېز سېتىلىدىغان بولماق، بازىرى چىقماق:[مىسال:] بىر ئاي بۇرۇن بازار يوق ئىدى ھازىر مالنىڭ سېتىلىشى بىرئاز ئىتتىكلىدى.[يەشمىسى:] ④ ئۆتكۈرلەشمەك:[مىسال:] پىچاقنى بىلىسەم ئىتتىكلىدى.

ئىتتىمەك

  • ئىتتىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كېسەلەيدىغان بولماق، ئۆتىدىغان بولماق، ئۆتكۈرلەشمەك، ئىتتىكلىمەك:[مىسال:] ئۇستىرا ئىتتىمەك.

ئىتچىۋىنى

  • ئىتچىۋىنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىت+چىۋىن+ى[[يەشمىسى:] بىرخىل ھاشارات. تېنى سەل يېسسى، قوڭۇر سېرىق رەڭدە، بىر جۈپ قانىتى بار. ئېغىز ئاپپاراتى ئۇچلۇق، ئىت قېنىنى شورايدۇ.

ئىتسىيگەك

  • ئىتسىيگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىت+سىي+گەك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لويلا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق يېرىم چاتقال. غولى تىك، تۈۋىدىن شاخلىنىدۇ. شاخلىرى بوغۇملۇق بولۇپ گۆشلىشىدۇ، رەڭگى يېشىل. يوپۇرماقلىرى يىگىلەپ تەڭگىچە يوپۇرماققا ئايلانغان. يوپۇرماق قولتۇقىدا قارا تۈكلىرى بولىدۇ. شورتاڭ جايلاردا ئۆسىدۇ، زەھەرلىك. ئادەتتە قۇرت ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.

ئىتلىق

  • ئىتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىتلارغا خاس خۇسۇسىيەت، قىلىق، ئىش:[مىسال:] ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس (ماقال). * بۆرە قېرىسا، ئىتلىقى بار (ماقال).

ئىت-مۈشۈك

  • ئىت-مۈشۈك[يەشمىسى:] ئىت ۋە مۈشۈك:[مىسال:] بىر ئادەمگە ئامەت كەلسە، ئۇنىڭ ئىت-مۈشۈكلىرىمۇ ئەتلىنىپتۇ (ماقال).

ئىت-مۈشۈك بولماق

  • ئىت-مۈشۈك بولماق[يەشمىسى:] قۇلى بولماق، خار كۆرۈلمەك:[مىسال:] بىر چاغلاردا ئىت-مۈشۈكۈڭ بولاي دەپ، كەينىمگە كىرىۋالغان، مانا ئەمدى، دېدى ئۇ سۆزىنى باشلاپ.ئ

ئىتپەرەس

  • ئىتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىت دېسە جېنىنتىكى تىياتىر شەكلى. ئۇنىڭدا تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ۋەقەلىكلەر ئاددىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. ئادەتتە تىياتىرنىڭ ئورۇنلاش سەنئىتىنى دەسلەپ ئۆگەنگۈچىلەر ئالدى بىلەن ئىتوتتىن باشلايدۇ.

ئىتئۈزۈمى

  • ئىتئۈزۈمى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىت+ئۈزۈم+ئى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئېللىپس شەكىللىك، ساپىقى بار، گۈلى ئاق، مېۋىسى شىرنىلىك مېۋە پىشقاندا قارىيىدۇ. ئادەتتە ئۇنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، ياللۇغ ياندۇرۇش رولىغا ئىگە. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئىت-ئېشەك

  • ئىت-ئېشەك[يەشمىسى:] ئىت ۋە ئېشەك:[مىسال:] ئىت-ئېشەكتىنمۇ خار.

ئىتياڭىقى

  • ئىتياڭىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىت+ياڭاق+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكلىدە. گۈلى ئاق، گۈل تاجى سۇناي شەكىللىك. مېۋىسى غوزىلىق مېۋە بولۇپ، سىرتقى پوستىدا نۇرغۇن تىكىنى بار. پۈتۈن تۈپى زەھەرلىك. گۈلى، يوپۇۆرمىقى ۋە ئۇرۇقى ناركوز خاراكتېرلىك يۆتەل پەسەيتكۈچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى دورا قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئىجابەت

  • ئىجابەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رۇخسەت، ئەمەلگە ئېشىش، تەستىق، قوبۇل، ئىجازەت:[مىسال:] ئىجابەت بولماق. ئىجابەت قىلماق. * غېرىبنىڭ تەلىپى ئىجابەت (ماقال).

ئىجابەتلىك

  • ئىجابەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىجابەت قىلىنغان ياكى قىلىنىدىغان، قوبۇل كۆرۈلىدىغان، ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان:[مىسال:] ئۆزلىرىنىڭ ئىج ابەتلىك تەدبىرلىرى بىلەن مەزكۇر يىلان-چايانلارنى ئۆز جايىغا قايتۇرۇپ، تىنچلاندۇرغان بولسىلا، دېدى ئۇ موللامغا.

ئىجابىي

  • ئىجابىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ماقۇل تېپىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان:[مىسال:] ئىجابىي باھا. ئىجابىي پىكىر. ئىجابىي مۇناسىۋەت. [يەشمىسى:] ② ماقۇللايدىغان، ياقلايدىغان؛ ماقۇللاشقا، ياقلاشقا، ماختاشقا سازاۋەر بولغان؛ ياخشى؛ پايدىلىق:[مىسال:] ئىجابىي تەسىر. ∥ ئىجابىي قارىماق.[يەشمىسى:] ③ ياخشى خىسلەت، پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان؛ ئۈلگىلىك:[مىسال:] ئىجابىي ئوبراز. ئىجابىي پېرسوناژ. ئىجابىي قەھرىمان.

ئىجابىيلىق

  • ئىجابىيلىق[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىجابىي، ئىلغارخۇسۇسىيەت، ئىلغارلىق.

ئىجاد

  • ئىجاد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى يېڭىدىن يارىتىش، بارلىققا كەلتۈرۈش:[مىسال:] ئىجاد قىلماق.[يەشمىسى:] ② بەدىئىي، ئىلمىي ئەسەر ياكى ماددىي بايلىق يارىتىش، يارىتىلغان يېڭىلىق؛ بايلىق، ئىجادىيەت:[مىسال:] ئۇ خەلقنىڭ ئىجادى.

ئىجادچان

  • ئىجادچان[مىسال:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىجاد قىلىش روھىغا باي، ئىجاد قىلىش روھىغا ئىگە؛ ئىجاد قىلىشقا ماھىر:[مىسال:] ئىجادچان سەنئەتكار.

ئىجادچانلىق

  • ئىجادچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مول ئىجاد قىلىش، يارىتىش روھى، ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈكلۈك:[مىسال:] ئۇ ئىجادچانلىققا باي تالانت ئىگىسىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھەممە بىلىملەردىن خەۋەردار بىلىملىك ئەرباب ئىدى.

ئىجادچى

  • ئىجادچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىجادكار، ئىجاد قىلغۇچى ئادەم:[مىسال:] مەن بۇ غەزەلنىڭ ئىجادچىسىنى تونۇيمەن.

ئىجادكار

  • ئىجادكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىجاد قىلغۇچى ئادەم، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، ئىجادچى، ئىجادىيەتچى:[مىسال:] ھازىر مويدىن ئاكا بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتىمىز. ئۇ ھەقىقەتەن مۇزىكا ئىجادكارى ئىكەن.

ئىجادكارلىق

  • ئىجادكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىجادكارلارغا خاس ۋە ئۇلاردا بولىدىغان خىسلەت، ئىدىيە، روھ ياكى ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] -ئادەملەرنىڭ ئىجادكارلىقى جارى قىلىنمىسا، بىكار-دە، -دېدى ئۇ.

ئىجادگاھ

  • ئىجادگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىجادىيەت ماكانى، ئىجادىيەت يۇرتى:[مىسال:] نەپىس سەنئەت ئىجادگاھى، قەغەز، ئەتلەس، گىلەم يۇرتى خوتەن ئەھلىگە گۈلدەستە گۈلى رەيھان سۇنارىم بار.

ئىجادىي

  • ئىجادىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىجاد قىلىش ۋە ئىجادىيەت بىلەن باغلىنىشلىق بولغان، ئىجادىيەت، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئىجاد قىلىنغان:[مىسال:] ئىجادىي ئەمگەك. ئىجادىي ئەسەر.

ئىجادىيەت

  • ئىجادىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىجادىي ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پائالىيەت؛ ئىجاد:[مىسال:] بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ سېپىمىز بىر تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت يۇرتىغا ئايلانغۇسى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ژانىر ياكى شەخسكە مەنسۇپ ئەسەرلەر يىغىندىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىجادىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغۇسى.

ئىجادىيلىق

  • ئىجادىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېڭى، ئىجادىي بولۇش، ئىجادىيەت:[مىسال:] ئۇلارئىجادىيلىققا باي كېلىدۇ.

ئىجارە

  • ئىجارە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر شەخس ياكى كوللېكتىپقا تېگىشلىك ئۆي، جاي، مال-مۈلۈك قاتارلىق نەرسىدىن ھەق تۆلەپ ۋاقتىنچە پايدىلىنىش:[مىسال:] ئىجارە ئالماق. ئىجارە ھەققى.[يەشمىسى:] ② ۋاقتىنچە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېلىنغان نەرسىگە تۆلەنگەن ھەق:[مىسال:] ئۆي ئىجارىسى. ئىجارە تۆلىمەك.

ئىجارىچى

  • ئىجارىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئىجارىكەش»كە قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ھازىر بىر ئىجارىچى تېپىپ، ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇشنى ئويلايتتى.

ئىجارىكەش

  • ئىجارىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆي-جايىنى، مال-مۈلۈك، يەر قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئىجارىگە بېرىدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ ئۆي-جايىنى، مال-مۈلۈك، يەر قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئىجارىگە ئالغۇچى كىشى:[مىسال:] ئابدۇللا بەگنىڭ بۇرۇن بۇ يەردە ئىجارىكەشلىرى، ئورتاقچىلىرى بار ئىدى.

ئىجارىكەشلىك

  • ئىجارىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ ئۆي-جايىنى، مال-مۈلۈك، يەر قاتارلىق نەرسىلىرىنى باشقىلارغا مەلۇم مۇددەت پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىجارىگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىش:[مىسال:] ئىجارىكەشلىك قىلماق.

ئىجازەت

  • ئىجازەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن رۇخسەت:[مىسال:] ئىجازەت بەرمەك. ئىجازەت سورىماق. ئىجازەت قىلماق.

ئىجازەتسىز

  • ئىجازەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىجازەت سورىمايلا، رۇخسەتسىزلا:[مىسال:] ئۆز ئۆمرىنى باغۋەنچىلىك بىلەنلا ئۆتكۈزگەن ئاق كۆڭۈلبوۋاي، بۇ باغقا ئىجازەتسىز كىرىپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈندى.

ئىجازەتلىك

  • ئىجازەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىجازىتى بار، ئىجازەت ئالغان، سورىغان، رۇخسەتلىك.

ئىجتىمائىي

  • ئىجتىمائىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلىك جەمئىيەتكە، كىشىلەر پائالىيىتىگە، كىشىلەر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئائىت بولغان:[مىسال:] ئىجتىمائىي تۈزۈم. ئىجتىمائىي تەرەققىيات. ئىجتىمائىي ئىشلەپچقىرىش. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت. ئىجتىمائىي فورماتسىيە. ئىجتىمائىي پەن.[يەشمىسى:] ② جەمئىيەتنىڭ، ئاممىنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ۋە باشقا ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئىختىيارىي رەۋىشتە خىزمەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] ئىجتىمائىي تەشكىلات. ئىجتىمائىي تەمىنات. ئىجتىمائىي ئىشلار.[يەشمىسى:] ③ ئاممىغا، ئومۇمغا تېگىشلىك، ئومۇمىي:[مىسال:] ئىجتىمائىي مۈلۈك.

ئىجتىمائىي ئاڭ

  • ئىجتىمائىي ئاڭ[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش جەريانىدىكى سىياسىي، قانۇن، ئەخلاق، پەلسەپە، سەنئەت، دىن قاتارلىق نۇقتىئىنەزەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئىجتىمائىي ئەخلاق

  • ئىجتىمائىي ئەخلاق[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كىشىلەر ئىجتىمائىي ھاياتتا ئىتائەت قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئەخلاق. ئۇ خۇسۇسىي پەزىلەتنىڭ تەڭدىشى بولۇپ، كوللېكتىپ، تەشكىلات، سىنىپ بىلەن ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتكۈل مىللەت ۋە دۆلەت بىلەن ئالاقىدار ئىجتىمائىي ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ.

ئىجتىمائىي پەن

  • ئىجتىمائىي پەن[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ھەر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بۇنىڭغا پەلسەپە، سىياسىي ئىقتىساد، تارىخ، ئىستېتىكا، پسىخولوگىيە، ئەدەبىيات، سەنئەت، تىل، ئېتىكا قاتارلىقلار كىرىدۇ.

ئىجتىمائىي تۈزۈم

  • ئىجتىمائىي تۈزۈم[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت تۈزۈملىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى ئىقتىسادىي تۈزۈم، يەنى مۇئەييەن ئىشلەپچقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى جەھەتتىكى مۈلۈكچىلىك شەكلى.

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا

  • ئىجتىمائىي سۇغۇرتا[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] جەمئىيەت ئەزالىرىدا تۇغۇت، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈش، يارىلىنىش، مەجرۇھلىنىش، ئىشسىز قېلىش، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە ئۇلارغا سۇغۇرتا شەكلى بىلەن ماددىي ياردەم بېرىش.

ئىجتىمائىي مائارىپ

  • ئىجتىمائىي مائارىپ[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] كۈتۈپخانا، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، كۆرگەزمە، كۇلۇب، بالىلار سارىيى قاتارلىق مەكتەپتىن باشقا مەدەنىيەت-مائارىپ ئورۇنلىرى ئارقىلىق خەلق ئاممىسى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى.

ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت

  • ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ ئورتاق پائالىيەت جەريانىدا ئورناتقان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئاساس قىلغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. [يەشمىسى:] ② شەخسىيلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى.

ئىجتىمائىيەت

  • ئىجتىمائىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىجتىمائىيلىق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىجتىمائىي فورماتسىيىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، تەرەققىيات جەريانى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

ئىجتىمائىيلاشتۇرماق

  • ئىجتىمائىيلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىجتىمائىيلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەندىلا، يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئىجتىمائىيلاشماق

  • ئىجتىمائىيلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىجتىمائىي تۈس ئالماق، جەمئىيەتكە يۈزلەنمەك، جەمئىيەتتە ئومۇملاشماق:[مىسال:] 90-يىللاردا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ئىجتىمائىيلىشىشقا قاراپ راۋاجلاندى.

ئىجتىمائىيلىق

  • ئىجتىمائىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمىي خەلق ۋە جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇش، ئومۇمىيلىق:[مىسال:] ئەخلاقىي ھېسسىيات روشەن ھالدا ئىجتىمائىيلىق ۋە تارىخىيلىققا ئىگە.

ئىجتىھات

  • ئىجتىھات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① زور غەيرەت، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنۇش، تىرىشىش؛ تىرىشچانلىق:[مىسال:] ئىجتىھات قىلماق.[يەشمىسى:] ② قىزىقىش، ئىشتىياق:[مىسال:] لېكىن تاشۋاي، سەندىكى ئاجايىپ بىر ئىجتىھاتنى كۆرمەپتىمەن.

ئىجتىھاتچان

  • ئىجتىھاتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىجتىھات قىلىدىغان، ئىجتىھاتلىق:[مىسال:] ئىجتىھاتچان ئادەم.

ئىجتىھاتسىز

  • ئىجتىھاتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىجتىھاتى يوق، تىرىشمايدىغان:[مىسال:] ئىجتىھاتسىز ئادەم. ئىجتىھاتسىز ئوقۇغۇچى.

ئىجتىھاتسىزلىق

  • ئىجتىھاتسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىجتىھاتى يوقلۇق، تىرىشماسلىق، غەيرەتسىزلىك.

ئىجتىھاتلىق

  • ئىجتىھاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىجتىھات قىلىدىغان، غەيرەتلىك، تىرىشچان، تىرىشقاق، ھەرىكەتچان:[مىسال:] سادىر كىچىكىدىنلا ئىجتىھاتلىق ئىدى.

ئىجرا

  • ئىجرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قارار، ھۆكۈم، تاپشۇرۇق، تەلەپ ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بېجىرىلىشى، ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى:[مىسال:] ئىجرا قىلماق.

ئىجراچى

  • ئىجراچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى ئىجرا قىلغۇچى ئادەم؛ بېجىرگۈچى، يولغا قويغۇچى كىشى:[مىسال:] بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز پارتىيىنىڭ مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئىجراچىلىرى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] كۈي، ئۇسسۇل، چالغۇ، مۇزىكا ئەسىرى رول ۋە شۇ قاتارلىقلارنى بېجىرگۈچى سەنئەتكار.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] قارار، قانۇن، پەرمان، بۇيرۇق، ھۆكۈم ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلغۇچى، ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى شەخس:[مىسال:] سوت ئىجراچىسى.

ئىجرائىي

  • ئىجرائىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىجرا قىلىدىغان، يۈرگۈزىدىغان:[مىسال:] ئۇلار شۇ چاغدىكى گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىي ھەيئەتلىكى ياكى كاندىدات ئىجرائىي ھەيئەتلىكىگە سايلانغانىدى.

ئىجرائىيە

  • ئىجرائىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىجرا قىلىش، بېجىرىش:[مىسال:] ئىجرائىيە كومىتېتى.

ئىجىر-مىجىر

  • ئىجىر-مىجىر[يەشمىسى:] ئۇششاق، ھەم رەتسىز، ئۇششاق ھەم قالايمىقان، پەرقلەندۈرۈش تەس:[مىسال:] ئىجىر-مىجىر سىزىقلار.

ئىجىك

  • ئىجىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئامراقلىق، مەستلىك.

ئىچ

  • ئىچ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچكى بوشلۇق:[مىسال:] ئۆينىڭ ئىچى. زالنىڭ ئىچى. ماشىنىنىڭ ئىچى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئىچكى بۇيۇم ئېلىنىدىغان قىسمى:[مىسال:] باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئىچكى قىسمى، ئارىسى:[مىسال:] تاۋۇزنىڭ ئىچى. خېمىرنىڭ ئىچى. ناننىڭ ئىچى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاشقازان، قارىن، قورساق، مەيدە:[مىسال:] كۆكتاتلار بەدەنگە سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش، ئىچىنى بوشىتىش خىزمىتىنىمۇ ئۆتەيدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئىچكى، روھىي دۇنياسى؛ كۆڭۈل، يۈرەك، دىل، قەلب:[مىسال:] يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ، بېرەي دېسە ئىچى ئاغرىيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېقىن كىشىسى، يات بولمىغان كىشىلەر، ئۇرۇق، جەمەت:[مىسال:] ئون ئۇيغۇرلار ئون چوڭ ئېقىن بويىغا، توققۇز ئۇيغۇرلار توققۇز چوڭ سۇ ئېقىن بويىغا جايلىشىپ، ئىچىلىرىدىن بىردىن خان سايلاپ ھايات كەچۈرۈشكەن.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر دائىرىدىكى كەڭلىك:[مىسال:] مەھەللە ئىچى دېگەن مەھەللە-دە، ئويۇن-كۈلكىسى بىللە، تەڭتۇش قىز-يىگىتلەرنىڭ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشلىرى بولۇپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم ۋاقىتنى ئۆز دائىرىسىگە ئالغان ۋاقىت:[مىسال:] كېيىنكى بىرقانچە كۈن ئىچىدە موماينى بىر قېتىممۇ كۆرەلمىدىم.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر توپ ئادەم ياكى نەرسىلەر ئارىسى:[يەشمىسى:] ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان، ئىچىدە بولىدىغان:[مىسال:] ئىچ كۆڭلەك. ئىچ ئات.[يەشمىسى:] 11 ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ «ئىلكىدە» دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ:[مىسال:] ئالىم ئاكا مىننەتدارلىق سۆزى سۆزلىدى، خۇشاللىق، ئالقىش، كۈلكە، چاقچاق، تەنتەنە، ئۈمىد، ئىستەكلەر ئىچىدە «ئەدەبىيات كېچىسى» ئاخىرلاشتى.

ئىچ ئاغرىق

  • ئىچ ئاغرىق[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، قايغۇ، قاتتىق ئېچىنىش:[مىسال:] شۇ ۋەقەدىن كېيىن، سادىرنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا ئۇنىڭ ئانىسى رەۋىخان ئاغرىپ، ئالەمدىن ۋاقىتسىز ئۆتكەنىدى.

ئىچ پەش تارتماق

  • ئىچ پەش تارتماق[يەشمىسى:] ئىشق-مۇھەببەت تۇيغۇسى پەيدا بولماق، كۆڭلى چۈشمەك:[مىسال:] ئىمامنىڭ ئوغلىمۇ خېلىدىن بېرى گۈلشەنگە ئىچ پەش تارتىپ يۈرگەنىدى.

ئىچ پۇشماق

  • ئىچ پۇشماق[يەشمىسى:] زېرىكمەك، كۆڭۈلسىزلەنمەك، پەرىشان بولماق:[مىسال:] ئون كۈن تىپتىنچ ئۆتتى، يىگىتلەرنىڭ ئىچى پۇشتى.

ئىچ پۇشۇقى

  • ئىچ پۇشۇقى[يەشمىسى:] ئىچ تىتىلداش، زېرىكىش، كۆڭلى ئېچىلماسلىق، كۆڭلىدە بىئاراملىق؛ خاپىلىق:[مىسال:] ناھايىتى ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئىچ پۇشۇقۇم، غەم-غۇسسەم قەيەرلەرگە ئۇچۇپ كەتتىكىن، كۆڭلۈم ئېچىلىپ شېرىن كەيپ سۈرۈشكە باشلىدىم.

ئىچ كۆيەر

  • ئىچ كۆيەر[يەشمىسى:] شاپائەتلىك، ۋاپادار، يېقىن:[مىسال:] ئىچ كۆيەر دوست.

ئىچ كۆيۈكى

  • ئىچ كۆيۈكى[يەشمىسى:] بىرنەرسىگە قىزىقىش ۋە ئىنتىلىش ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بىئاراملىق؛ دەرد، ئەلەم:[مىسال:] ئۇ ئىچ كۆيۈكىدە كۈندە دېگۈدەك مەست يۈرىدىغان بولدى.

ئىچ كۈيئوغۇل

  • ئىچ كۈيئوغۇل[يەشمىسى:] ئۆيلەنگەندىن كېيىن قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئوغۇل سۈپىتىدە كىرىپ، قېيناتا، قېينانىلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن كۈيئوغۇل:[مىسال:] توختاپ تۇرۇڭ، ئۇنداقتا، مەن سىلەرگە ئىچ كۈيئوغۇل بولۇپ بارسامچۇ

ئىچ كېزىك

  • ئىچ كېزىك[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. كېزىك تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا بەدەن ھارارىتى تەدرىجىي ئۆرلەپ°39-°40 چىقىدۇ، تومۇر ئاستىلايدۇ، تال ئىششىيدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئازىيىدۇ، قورساق ساھەسىگە ھال رەڭ ئەسۋە چىقىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئۈچەي قاناش، تېشىلىش سەۋەبلىك ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.

ئىچ كىيىم

  • ئىچ كىيىم[يەشمىسى:] سىرتقى كىيىملەرنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان كىيىم.

ئىچ گۆر

  • ئىچ گۆر[يەشمىسى:] تاش گۆرنىڭ ئىچىگە يان تەرەپتىن كولانغان، ئۆلۈكنى قويىدىغان گۆر.

ئىچ مايماق

  • ئىچ مايماق[يەشمىسى:] ① ماڭغان چاغدا ئىككى پۇتىنىڭ يەرگە تېگىپ تۇرغان قىسمى ئىچ تەرەپكە قارىغان پۇت ۋە ياكى شۇنداق ئادەم:[مىسال:] ئىچ مايماقنى ئېلىپ قاچ، تاش مايماقنى تاشلاپ قاچ (ماقال).[يەشمىسى:] ② ۋە ھەم شۇنداق ھالەت:[مىسال:] ئىچ مايماق ئادەم.

ئىچى ئادىماق

  • ئىچى ئادىماق[يەشمىسى:] ① كۆڭۈل ئازابىغا قالماق؛ ئىچى ئېچىشماق:[مىسال:] خاپىلىق دەستىدىن ئىچىم ئاداپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارغا ھەسەت قىلماق، قىزغانماق، تارلىق قىلماق، كۆرەلمەسلىك:[مىسال:] ئۇ قوشنىلىرىنىڭ شاللىرىنىڭ ئېتىزىغا پاتماي قالغىنىنى كۆرگەندە، ئىچى ئاداپ، كېچىلىرىمۇ ئۇيقۇسى كەلمەي يۈردى.

ئىچى ئاغرىماق

  • ئىچى ئاغرىماق[يەشمىسى:] ① رەھمى كەلمەك، كۆيۈنمەك:[مىسال:] سارنىڭ چۆجىگە ئىچى ئاغرىماس (ماقال). * بۇنى كۆرگەن خەلىپىنىڭ ئىچى ئاغرىپ كۆزلىرىدىن ياش كېتىپتۇ.

ئىچى بوشىماق

  • ئىچى بوشىماق[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ئىچى بىكار بولماق؛ قۇرۇقدالماق:[مىسال:] قاچىنىڭ ئىچى بوشىماق.[يەشمىسى:] ② يۇمشىماق، سۇيۇلماق (چوڭ تەرەت ھەققىدە):[مىسال:] بالىنىڭ ئىچى بوشىدى.[يەشمىسى:] ③ كۆكسى-قارنى كۆتۈرۈلمەك، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالماق، كۆڭلى ئېچىلىپ قالماق، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ يەڭگىللىك ھېس قىلماق:[مىسال:] دەردىمنى تۆكۈپ بولۇپ ئىچىم بوشاپ قالدى، دېدى ئۇ.

ئىچى بۇزۇلماق

  • ئىچى بۇزۇلماق[يەشمىسى:] چوڭ تەرىتى نورمالسىزلاشماق، ئىچى سۈرمەك:[مىسال:] بالىغا نېمە قاملاشمىدىكىن، تاڭ، ئىچى بۇزۇلۇپ قېلىپتۇ.

ئىچى پىششىق

  • ئىچى پىششىق[يەشمىسى:] كىشىگە ئىچ سىرىنى بەرمەيدىغان، سىر ساقلايدىغان، ئاغزى چىڭ:[مىسال:] ئىچى پىششىق ئادەم.

ئىچى تار

  • ئىچى تار[يەشمىسى:] باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان، ئىچى يامان، ھەسەتخور:[مىسال:] ئارۇپ ناھايىتى تۇيغۇن ھەم ئىچى تار ئادەم ئىدى. ∥ ئىچى تارنىڭ گۆرى تار (ماقال).

ئىچى تىت-تىت بولماق

  • ئىچى تىت-تىت بولماق[يەشمىسى:] جىلە بولماق، تاقەت قىلالماي قالماق:[مىسال:] بوۋاي بۇ ئىشنى كۆرۈپ ئىچى ئىت-تىت بولدى.

ئىچى تىتىلدىماق

  • ئىچى تىتىلدىماق[يەشمىسى:] «ئىچى تىت-تىت بولماق»قاراڭ:[مىسال:] ئىچىم تىتىلداپ، ئۇنىڭ يېنىمغا ئىمكانقەدەر تېزرەك كېلىشىنى ئۈمىد قىلدىم.

ئىچىدە توڭگۇز قاترىماق

  • ئىچىدە توڭگۇز قاترىماق[يەشمىسى:] ئىچى زەھەرلىكتىن يامان ئىش قىلىشنى ئويلىماق:[مىسال:] ئۇ ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان يامان نىيەتلىك ئادەم ئىكەن.

ئىچى دەريا

  • ئىچى دەريا[يەشمىسى:] ① قورسىقى كەڭ، كەڭ قورساق؛ كىشىگە ئاداۋەت ساقلىمايدىغان:[مىسال:] ئىچى دەريا ئادەم.[يەشمىسى:] ② كەڭ دائىرىلىك مەلۇماتقا ئىگە، كۆپنى بىلىدىغان، بىلىمى مول:[مىسال:] ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن ئىچى دەريا ئادەم ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

ئىچىدە زەھەر قاينىماق

  • ئىچىدە زەھەر قاينىماق[يەشمىسى:] كۆڭلىگە يامان نىيەت پۈكمەك، يامان نىيەت قىلماق:[مىسال:] -ئۇ ئىچىدە زەھەر قاينايدىغان خوتۇن ئىكەن، -دېدى توختىئاخۇن.

ئىچىدىن توڭگۇز قوپماق

  • ئىچىدىن توڭگۇز قوپماق[يەشمىسى:] «ئىچىدە توڭگۇز قاترىماق»قاراڭ:[مىسال:] دەرەخنى يىقىتقۇچە مېنى بوغۇزلاپ تاشلاشساڭ بولماسمىدى، ئىچىدىن توڭگۇز قوپقان ناكەسلەر.

ئىچىدىن قان كەتمەك

  • ئىچىدىن قان كەتمەك[يەشمىسى:] قاتتىق ھەسەت قىلماق، ئىچى سىيرىلىپ كەتمەك:[مىسال:] مەمتىمىن ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، ئىچىدىن قان كەتتى.

ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل

  • ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق ماشىنىلىرىنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭدا يېقىلغۇ سىلىندىر ئىچىدە كۆيۈپ، گازنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پورشېننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پورشېن شاتۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بۇ ھەرىكەت ماشىنا ئوقىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭغا بېنزىن، دىزېل مېيى ۋە كۆمۈر گازى يېقىلغۇ قىلىنىدۇ.

ئىچى زەھەر

  • ئىچى زەھەر[يەشمىسى:] نىيىتى بۇزۇق، يامانلىقنىلا ئويلايدىغان:[مىسال:] ئۇ تىلى ھەسەل بولغىنى بىلەن ئىچى زەھەر ئادەم.

ئىچى سۈرمەك

  • ئىچى سۈرمەك[يەشمىسى:] چوڭ تەرىتى سۇيۇق كەلمەك، ئىچى بۇزۇلماق:[مىسال:] بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىچى سۈرۈشكە باشلىغانىدى.

ئىچى سىقىلماق

  • ئىچى سىقىلماق[يەشمىسى:] ئىچى پۇشماق، زېرىكمەك، خاپا بولماق:[مىسال:] زېرىكىشتىن ئىچى سىقىلغان ئادەملەر پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىغا تىكىلگەنىدى.

ئىچى سىيرىلماق

  • ئىچى سىيرىلماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئېچىنىپ ھەسرەتلەنمەك، ئىچى ئاغرىماق:[مىسال:] قادىرنىڭ رەڭگىرويى، ئۈستۋېشىغا قاراپلا، ئۇنىڭ ئىچى سىيرىلدى.

ئىچى غال-غال، تېشى پال-پال

  • ئىچى غال-غال، تېشى پال-پال[يەشمىسى:] ھېچقانداق مەدەنىيەت سەۋىيىسى، بىلىمى يوق، ئەمما كۆرۈنۈشى ئاجايىپ-غارايىپ:[مىسال:] ئىچى غال-غال، تېشى پال-پال ئادەملەر ئادەتتە تەكەببۇر كېلىدۇ.

ئىچى قاتماق

  • ئىچى قاتماق[يەشمىسى:] چوڭ تەرىتى قويۇقلاشماق:[مىسال:] بالىنىڭ ئىچى قېتىپ قېلىپتۇ.

ئىچى قاينىماق

  • ئىچى قاينىماق[يەشمىسى:] ① ئاچچىقى كەلمەك، خاپا بولماق:[مىسال:] ئۇ ئىچى قايناپ تىت-تىت بولغاچقا، تاماكا چېكىپ ئۇيان-بۇيان ماڭاتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆزلۈكىدىن قوزغالماق، ئۆزىگە ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلماق:[مىسال:] ئوغۇل بالا دېگەننىڭ ئازراق ۋىجدانى بولمىسا، ئازراق ئىچى قاينىمىسا قانداق بولغىنى

ئىچى قوتۇر

  • ئىچى قوتۇر[يەشمىسى:] «ئىچى زەھەر»گە قاراڭ:[مىسال:] بۇ ئىچى قوتۇر باي مېنىڭسىز ھېچ ئىش ئاقمايدۇ دېمەكچىغۇ، رەھمەت بالىلىرىم، خۇدايىم بەختىڭلارنى بەرسۇن، دېدى بوۋاي بالىلارغا.

ئىچى قىزىماق

  • ئىچى قىزىماق[يەشمىسى:] قىزغانماق، ھەسەت قىلماق:[مىسال:] -قىزلارنىڭ كىيىملىرىنى كۆرۈپ ئىچىم قىزىدى، -دېدى زۆھرە.

ئىچى كۆيمەك

  • ئىچى كۆيمەك[يەشمىسى:] رەھمىسى كەلمەك، كۆيۈنمەك؛ كۆڭلى بىرقىسما بولماق:[مىسال:] مۇنداق ياۋاش، چىرايلىق مۈشۈككە كىمنىڭمۇ ئىچى كۆيمىسۇن يولۇچى ئۇنى تۇتۇپ خورجۇنىغا ساپتۇ-دە، يولىغا راۋان بولۇپتۇ.

ئىچى كۈچلۈك

  • ئىچى كۈچلۈك[يەشمىسى:] ئىچى ھەممە دەرد-ئەلەمنى سىغدۇرۇپ كېتەلمەيدىغان، ناھايىتى زىل:[مىسال:] ئىچى كۈچلۈك ئېرپان سايىمنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەنلىكىدىن بىئارام بولاتتى.

ئىچىگە تىنماق

  • ئىچىگە تىنماق[يەشمىسى:] دەردىنى ھېچكىمگە ئېيتماي ئۆزى تارتماق:[مىسال:] قاچانغىچە ئىچىڭگە تىنىپ يۈرىسەن

ئىچىگە جىن كىرمەك

  • ئىچىگە جىن كىرمەك[يەشمىسى:] ئويىغا يېڭىدىن بىرەر پىكىر كەلمەك، كۆڭلىگە بىرەر ئىش كەچمەك:[مىسال:] بالىنىڭ ئىچىگە جىن كىرىپ، ئاكىسىنى مات قىلماقچى بولدى.

ئىچىگە سالماق

  • ئىچىگە سالماق[يەشمىسى:] كۆڭلىدە يوشۇرۇن ساقلىماق:[مىسال:] بۇ يۇرتتىن كېتەر بولدۇڭ، ئىچىمگە سېلىپ دەردنى، ئەتە يولغا چىق گاڭگۇڭ، تەييارلاپ قوياي خەتنى.

ئىچىگە ئوت تۇتاشماق

  • ئىچىگە ئوت تۇتاشماق[يەشمىسى:] يۈرىكىدە قىزىقىش تۇيغۇسى جۇش ئۇرماق:[مىسال:] -ھىم، ئاجايىپ-غارايىپ قىزلارنى كۆرۈپ ھېلىتىدىن ئىچىڭگە ئوت تۇتىشىپ كېتىۋاتامدۇ نېمە-دەپ كۈلدى ھېلىقى كىشى.

ئىچىگە ئوت چۈشمەك

  • ئىچىگە ئوت چۈشمەك[يەشمىسى:] قاتتىق قىزىقىش تۇيغۇسى پەيدا بولماق، مۇھەببەت ئوتى تۇتاشماق، ئىشق-مۇھەببەت ئوتىدا كۆيمەك، ئاشىق بولماق:[مىسال:] ئۇ قىزنى كۆرۈپلا، ئىچىمگە ئوت چۈشتى.

ئىچىگە ئوت سالماق

  • ئىچىگە ئوت سالماق[يەشمىسى:] ھەۋىسىنى قوزغىماق، سۆيۈندۈرمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ناخشىسىلا ھەرقانداق قىزنىڭ ئىچىگە ئوت سالىدۇ.

ئىچىگە ئوت كەتمەك

  • ئىچىگە ئوت كەتمەك[يەشمىسى:] «ئىچىگە ئوت تۇتاشماق»قا قاراڭ:[مىسال:] -نېمە بۇ-دېدى ئۇ چاينى كۆرۈپ، ئىچىمگە ئوت كەتتى.

ئىچىگە ئۇرماق

  • ئىچىگە ئۇرماق[يەشمىسى:] ئېغىر زىيان يەتكۈزمەك، ئەلەم تارتقۇزماق:[مىسال:] -بالام، دادۈيجاڭ بىلەن زىتلىشىپ قالساڭ، باشلىق دېگەن ئىچىڭگە ئۇرىدۇ، ئۆزۈڭنى تۇتىۋال، -دېدى بوۋاي ھېلىقى بالىغا نەسىھەت قىلىپ.

ئىچىگە ئۇرۇپ كەتمەك

  • ئىچىگە ئۇرۇپ كەتمەك[يەشمىسى:] ① كۆڭلىدە غەش پەيدا بولماق، بىئاراملىق ھېس قىلماق؛ ئىچىگە ئەپ كەتمەك، بىئاراملىق ھېس قىلىپ تۈگىشىپ كەتمەك:[مىسال:] بوۋام ئاشۇ ناھەقچىلىق، روھىي زەربە تۈپەيلى ئىچىگە ئۇرۇپ كېتىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② كېسەل بولغانلىقى ياكى ئېغىر ئىشلىتىلىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى جۈدەپ، ئۇرۇقلاپ ھەم ئاجىزلاپ قالماق، تۈگىشىپ كەتمەك (ئات، ئېشەك قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئېشەك ياخشى بېقىلمىغانلىقىنىڭ ئۈستىگە ئېغىر ئىشلىتىلىپ ئىچىگە ئۇرۇپ كەتتى.

ئىچىگە يۇتماق

  • ئىچىگە يۇتماق[يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، ئاچچىق، غەزەپلەرنى بىلدۈرمەي كۆڭلىدە ساقلىماق:[مىسال:] باي گەپتە تۇتۇلۇپ قېلىپ، ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتۇپتۇ.

ئىچىنى تىڭشىماق

  • ئىچىنى تىڭشىماق[يەشمىسى:] ئۆزىنى ئۆزى دەڭسەپ كۆرمەك، ئۆزىچە كېڭەشمەك، ئۆزى بىلەن كېڭىشىپ كۆرمەك:[مىسال:] خوجىنىيازھاجى يەنە ئىچىنى تىڭشاپ قالدى، شۇ ئارىدا، كونسۇل ئافرېسسىف باشلىق ئەربابلار كىرىپ، ماشنىلارنىڭ تەييار بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىۋالغاندەك بولماق

  • ئىچىنى مۈشۈك تاتىلىۋالغاندەك بولماق[يەشمىسى:] ئىنتايىن تىت-تىت بولماق، كۆڭلىدە تىتىلدىماق.

ئىچى ئۆتمەك

  • ئىچى ئۆتمەك[يەشمىسى:] ئىچى سۈرمەك:[مىسال:] -بالىنىڭ ئىچى ئۆتۈۋاتىدۇ، بارالمايمەن، -دېدى ئانا.

ئىچى ئۆرتەلمەك

  • ئىچى ئۆرتەلمەك[يەشمىسى:] ئازابلانماق، بىئارام بولماق:[مىسال:] دۈينىڭ تارتقان زىيىنى ئۈچۈن ئىچىم ئۆرتىلىۋاتىدۇ.

ئىچى ئېچىشماق

  • ئىچى ئېچىشماق[يەشمىسى:] ① ئىچى سىيرىلماق، ئىچى ئاغرىماق:[مىسال:] ئۇنىڭدىن كېيىن ئېگىز ئويۇققا قارىدى، ئويۇقتىكى تۇچ ئۈزەڭگىنىمۇ سېتىپ يەپ بولغانلىقىغا ئىچى ئېچىشتى.[يەشمىسى:] ② رەھمى كەلمەك، ئاياپ كۆيۈنمەك:[مىسال:] ھەر قېتىم، ھېلىقى قاناتلىرى ئاجراپ، ھالى قالمىغان ئىشىكتىن ئۆتكىنىدە ئۇنىڭ ئىچى ئېچىشاتتى.

ئىچى ئىلىشماق

  • ئىچى ئىلىشماق[يەشمىسى:] كۆڭلى ئاغدۇرۇلماق، كۆڭلى بىرقىسما بولماق:[مىسال:] ھېيتئاخۇن ئىچى ئىلىشىپ قورسىقىنى تۇتقىنىچە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى.

ئىچى يامان

  • ئىچى يامان[يەشمىسى:] يامان نىيەتلىك، نىيىتى يامان، ھەسەتخور:[مىسال:] ئىچى يامان ئادەم. * ئىچى ياماننىڭ كۆڭلى خۇش بولماس (ماقال).

ئىچەرمەن

  • ئىچەرمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاراق ئىچىشنى ئادەت قىلغان كىشى:[مىسال:] سۇڭ تەتەي دېگەندەكلا، ناماز شام بولۇۋىدى، شەھەرلىك ياشلارنىڭ ئىچىدىكى ئىچەرمەنلەردىن بىرقانچىسى مەيخانىغا كىرىپ كېلىشتى.

ئىچەكەشمەك

  • ئىچەكەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېقىن بولۇپ قالماق، ئامراق بولۇپ قالماق، ئەپ ئۆتمەك:[مىسال:] ئۈچ ئايدىن بېرى بىرگە ئىشلەپ، تۇز-تائامدا بىرگە بولۇپ، ئاكا-سىڭىلدەك ئىچەكىشىپ قالغانىدۇق.

ئىچ-باغىر

  • ئىچ-باغىر[يەشمىسى:] ① ئىچ ۋە باغىر. [يەشمىسى:] ② كۆڭلىدىكى دەردى، دەرد-ئەلىمى، كۆڭلىدىكى ھەممە گەپ، دېمەكچى بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى:[مىسال:] كىشىگە ئىچ-باغرىنى تۆكمەك. ئىچ-باغرىنى يارماق.

ئىچرە

  • ئىچرە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىچىدە، ئارىسىدا:[مىسال:] گۈزەل تۇرپان دىيارىنى تاۋاپ ئەيلەپ يېنىپ كەلدىم، ئۈزۈمزارلىق بېغى ئىچرە پۇراقلارغا قېنىپ كەلدىم.

ئىچ-قارىن

  • ئىچ-قارىن[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى.[يەشمىسى:] ② بىرنەرسىنىڭ ئىچى:[مىسال:] قازان شاڭدا، بالىلار ئىچ-قارنىنى چۇۋۇپ تاق چاتىقىنى تاپماي قويمىدىغۇ.

ئىچ-قارنىنى بوشاتماق

  • ئىچ-قارنىنى بوشاتماق[يەشمىسى:] ئىچىدىكى دەردنى ياكى گەپ-سۆزىنى ئېيتىش ئارقىلىق ئىچ پۇشۇقىنى چىقارماق، دەردىنى تۆكمەك:[مىسال:] ھەممەيلەن ئۆز كۆڭۈللىرىدىكىنى ئېيتىپ، ئىچ قارنىنى بوشىتىپ، بىر قېتىم پۇخادىن چىققاندەك بولدى.

ئىچ-قارنىنى بىلمەك

  • ئىچ-قارنىنى بىلمەك[يەشمىسى:] كۆڭلىنى چۈشەنمەك، چۈشىنىش ھاسىل قىلماق:[مىسال:] نەزىرە بىلەن لوخۇر 11-نومۇرلۇق ئۆيدىكى زىياپەت بولۇشتىن بۇرۇنلا بىر-بىرىنىڭ ئىچ-قارنىنى بىلىپ بولۇشقانىدى.

ئىچ-قارنىنى تۆكمەك

  • ئىچ-قارنىنى تۆكمەك[يەشمىسى:] ئىچىدىكى دەرد-ئەلەملىرىنى ئېيتماق، دەرد تۆكمەك:[مىسال:] بىز مېھمانغا ئىچ-قارنىمىزنى تۆكتۇق.

ئىچ-قارنى ئېچىلماق

  • ئىچ-قارنى ئېچىلماق[يەشمىسى:] خاپىلىقتىن خالىي بولماق، كۆڭلى يايراپ قالماق، خۇرسەن بولماق: -[مىسال:] قاراڭغۇ ئۆيگە چىراغ يېقىلغاندەك، ئۆزلە بىلەن ئىچ-قارنىمىز ئېچىلىپ قالدى، دېدى رەۋىخان موماي.

ئىچقويۇن

  • ئىچقويۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئىچ+قويۇن[[يەشمىسى:] يېقىن، ئىناق:[مىسال:] ئىچقويۇن بولماق.

ئىچقويۇن-تاشقويۇن

  • ئىچقويۇن-تاشقويۇن[يەشمىسى:] مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن، ناھايىتى ئىناق:[مىسال:] ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولماق. ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتمەك.

ئىچكەركى

  • ئىچكەركى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئىچ تەرەپتىكى، ئىچ تەرەپكە جايلاشقان، ئىچىدىكى، ئىچكىرىدىكى:[مىسال:] ئىچكەركى ئۆي.

ئىچكۈلۈك

  • ئىچكۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچىملىك:[مىسال:] ئۇ ئىچكۈلۈككە بېرىلىپ كەتتى.

ئىچكى

  • ئىچكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىچ قىسمىدىكى، ئىچكىرىگە جايلاشقان، ئىچىدىكى، ئىچكىرىدىكى:[مىسال:] ئىچكى ئىشىك. ئىچكى سەۋەب. ئىچكى قەرز. ئىچكى زىددىيەت. ئىچكى قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ② مەملىكەت، دۆلەت، تەشكىلات ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] ئىچكى ئىشلار. ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش. ئىچكى ئۆلكە.[يەشمىسى:] ③ كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىغا، كەچۈرمىشلىرىگە ئائىت:[مىسال:] ئىچكى ھېسسىيات.

ئىچكى ئاجراتما

  • ئىچكى ئاجراتما[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىدىكى بەزى بەز ياكى ئورگانلار گورمون ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ گورمونلار كاناللاردىن ئۆتمەي، بەلكى بىۋاسىتە قانغا ئۆتۈش ئارقىلىق پۈتۈن ئورگانىزمغا تارقىلىپ، ئورگانىزمنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىنى ۋە فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىنى تەڭشەيدۇ. بۇ خىل گورمونلار «ئىچكى ئاجراتما» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىچكى ئامىل

  • ئىچكى ئامىل[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە جانلىقلار تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشنىڭ ئىچكى سەۋەبى، يەنى ئىچكى زىددىيىتى. بۇ شەيئىلەر تەرەققىياتىدىكى تۈپ سەۋەبتىن ئىبارەت.

ئىچكى ئەزا

  • ئىچكى ئەزا[مىسال:] [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ كۆكرەك بوشلۇقى ۋە قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالارنىڭ ئورتاق نامى. ئادەتتە ئۇ يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، جىگەر، تال، بۆرەك ۋە ئۈچەي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.[مىسال:] [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تاناسىپتىكى بىرىنچى نىسبەتنىڭ ئاخىرقى ۋە ئىككىنچى نىسبەتنىڭ ئالدىنقى ئەزاسى. مەسىلەن، d:c=b:a دىكى b ۋە C ئەزا ئىچكى ئەزا بولىدۇ.

ئىچكى جايلار

  • ئىچكى جايلار[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>چۇغ<[يەشمىسى:] دۆلەت ئىچىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدىن باشقا بارلىق جايلار. [يەشمىسى:] ② دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن باشقا جايلار.

ئىچكى دۇنيا

  • ئىچكى دۇنيا[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس ئوي-پىكىرى، نىيىتى، كۆز قارىشى، ئىدىيىسى ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] بۇ مەسىلە ئۇ كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.

ئىچكى سەۋەب

  • ئىچكى سەۋەب[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ئىچكى زىددىيىتى، يەنى شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈپ ئاساسىي سەۋەب.

ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى

  • ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] داۋالاشتا ئىچكى ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيە قىلماي، ئاساسلىق ھالدا دورا بېرىپ داۋالايدىغان بىر بۆلۈم.

ئىچكى گورمون

  • ئىچكى گورمون[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتلارنىڭ ئۆسۈش-يېتىلىش ۋە قىلىقلىرىنى تەڭشەيدىغان ئاكتىپچانلىققا ئىگە ماددا. ئۇنىڭغا مېڭە گورمونى، تېرە تاشلاتقۇزغۇچى گورمون، لىچىنكا مەزگىلىنى ساقلىغۇچى گورمون قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئۇلارنى ھاشارات تېنىنىڭ ئىچىدىكى ئاجرىتىپ چىقارغۇچى ئەزاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئۇ ھاشاراتلارنىڭ يېتىلىشىنى تەڭشەيدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ.

ئىچكى-تاشقى

  • ئىچكى-تاشقى[يەشمىسى:] ① ئىچكى ۋە تاشقى:[مىسال:] ئىتتىپاق ئەزالىرى ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى تازىلىقىنى قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا مۇناسىۋەتلىك:[مىسال:] ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت. ئىچكى-تاشقى دۈشمەن كۈچلەر.

ئىچكىرى

  • ئىچكىرى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچكى قىسمى، ئىچكى تەرەپ:[مىسال:] ئۇ خۇشال ھالدا باغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچكى قىسمىدىكى، ئىچكى تەرەپتىكى، ئىچىدىكى:[مىسال:] نىغمەت ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ، جوزا ئۈستىدىكى باغاقنى قولىغا ئالدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىچ تەرەپكە قاراپ، ئىچ تەرەپنى بويلاپ؛ ئىچىگە يۈزلىنىپ:[مىسال:] ئۇ ئۆزى ئىچكىرى كىرىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شىنجاڭغا نىسبەتەن شەرقتىكى ئۆلكە، شەھەرلەر:[مىسال:] ئىككى كۈندىن كېيىن ئىچكىرىگە ماڭىدىغان بولۇپ مېھمانخانىدىن قايتىپ كەلدىم.

ئىچكىرى-تاشقىرى

  • ئىچكىرى-تاشقىرى[يەشمىسى:] ئىچكىرى ۋە تاشقىرى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىچكىرى-تاشقىرى ئىككى ئېغىز ئۆيى بار.

ئىچكىرىكى

  • ئىچكىرىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچكىرى قىسمىدىكى، ئىچىدىكى:[مىسال:] نۇرئامىنە كىچىك ئەمەسمۇ، ئوڭلىنىپ قالار، دەپ قويۇپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى ئۇ.

ئىچكىرىلەتمەك

  • ئىچكىرىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئىچكىرىلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىچكىرلەشمەك

  • ئىچكىرلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىچكىرىلىمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىچكىرىلىمەك

  • ئىچكىرىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىچ تەرەپكە قاراپ قەدەم باسماق، بارغانسېرى ئىچىگە بارماق: «خوپ!» ئەسكەر چاس بېرىپ، قازناققا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئىنچىكىلىمەك، چوڭقۇرلىماق:[مىسال:] ئۇ ياشىغان دەۋردىكى ئومۇمىي ئىجتىمائىي ئەھۋاللار بىلەن ئىچكىرىلەپ تونۇشقان.

ئىچلىك

  • ئىچلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى بار:[مىسال:] كاۋاك ئىچلىك ھايۋان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەك ۋە باشقا، بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە تارتىلىدىغان قىسمى؛ ئەستەر:[مىسال:] بۆكنىڭ ئىچلىكى. چاپاننىڭ ئىچلىكى. ئېگەرنىڭ ئىچلىكى.

ئىچمەكⅠ

  • ئىچمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇيۇقلۇقنى ئاغزىغا ئېلىپ ياكى شۈمۈرۈپ ئىچىگە يۇتماق:[مىسال:] سۇ ئىچمەك. چاي ئىچمەك.[يەشمىسى:] ② ئىسپىرتلىك ئىچىملىكنى ئىستېمال قىلماق:[مىسال:] ھاراق ئىچمەك. * ئۇ ئىچمىسە تۇرالمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ قورسىقىغا بىرنەرسە يېمەك، بىرنەرسە ئىستېمال قىلماق (سۇيۇق تاماقلارنى):[مىسال:] ئاشنى كۆرسە ئىچىڭ تاز، ئىشنى كۆرسە قېچىڭ تاز (ماقال).

ئىچمەكⅡ

  • ئىچمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توقۇمنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان نېپىز كىگىز، تەرلىك. [يەشمىسى:] ② تېرە جىلىتكە.

ئىچۈرمەك

  • ئىچۈرمەك[يەشمىسى:] «ئىچمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كېسەلگە غىزا ئىچۈرمەك. بالىغا دورا ئىچۈرمەك.

ئىچ-ئىچ

  • ئىچ-ئىچ[يەشمىسى:] ئىچ ۋە ئىچ؛ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتى:[مىسال:] ئىچ-ئىچىگە سىغماسلىق.

ئىچ-ئىچىدىن

  • ئىچ-ئىچىدىن[يەشمىسى:] ① ھەممە ئىچكى ئەزالىرىدىن:[مىسال:] ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان تىترەك ھەممە ئەزالىرىغا تارقىلىپ بوشاشتۇراتتى.[يەشمىسى:] ② چىن يۈرەكتىن، چىن كۆڭلىدىن، كۆڭلى-كۆكسىدىن:[مىسال:] مۇنداق چاغلاردا مەن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشاللىنىپ، بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك بولۇپ كېتىمەن.

ئىچ-ئىچىگە پاتماسلىق

  • ئىچ-ئىچىگە پاتماسلىق[يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە خۇشال بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماسلىق:[مىسال:] ئەلگە بەھرى بار، يامانلارغا قەھرى بار ئۇ ئەزىم دەريالارنى كۆرسىڭىز، ئىچ-ئىچىڭىزگە پاتماي خۇشال بولىسىز.

ئىچ-ئىچىگە سىغماسلىق

  • ئىچ-ئىچىگە سىغماسلىق[يەشمىسى:] «ئىچ-ئىچىگە پاتماسلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈرىكىگە يەنە يېڭىدىن غەيرەت-جاسارەت ئوتى يېقىلدى. كۈتكەن كۈنلىرىنىڭ ئاخىر يېتىپ كەلگىنىگە شادلىنىپ خۇشاللىقى ئىچ-ئىچىگە سىغمىدى.

ئىچىشمەك

  • ئىچىشمەك[يەشمىسى:] «ئىچمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار پاراڭلاشقاچ چاي ئىچىشتى.

ئىچىشۋازلىق

  • ئىچىشۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاراق ئىچىشى، كۆپ ئىچىش ئىشى:[مىسال:] توي ناھايىتىمۇ قىزىپ، ئىچىشۋازلىق تاڭ يورۇغىچە داۋاملاشتى.

ئىچىكمەك

  • ئىچىكمەك[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] مېھرى چۈشمەك، ئېجىل بولماق، ئامراق بولماق، يېقىن بولماق:[مىسال:] ئۇ بۇ يىل 19 غا توشۇپ ئاشتى، چوڭ بولغانسېرى ماڭا بەك ئىچىكىپ كېتىۋاتىدۇ.

ئىچىكىشمەك

  • ئىچىكىشمەك[يەشمىسى:] «ئىچىكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەنۋەر كۆپچىلىك بىلەن ئىچىكىشىپ كەتكەنىدى.

ئىچىلمەك

  • ئىچىلمەك[يەشمىسى:] «ئىچمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] گەپ-سۆز بىلەن بىرمۇنچە چايمۇ ئېچىلىپ كەتتى.

ئىچىملىك

  • ئىچىملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىۋا، ھاراق، گازلىق سۇ ياكى چاي، قەھۋە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، ئىچىشكە بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] قىزلار داستىخاننى يىغىپ، بىزگە ئىچىملىك ئەكەلدى.

ئىختىرا

  • ئىختىرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق؛ كەشپ، كەشپىيات، ئىجاد:[مىسال:] ئىختىرا قىلماق. يېڭى ماشىنىلارنى ئىختىرا قىلماق.

ئىختىراچى

  • ئىختىراچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىختىرا قىلغۇچى، ئىجاد قىلغۇچى، كەشپىياتچى، ئىجادكار:[مىسال:] خەلق ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ئەلنەغمىچىلەر، چالغۇ ئەسۋاب ئىختىراچىلىرى بار.

ئىختىساس

  • ئىختىساس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىلىم-پەن، تېخنىكا، سەنئەت ساھەلىرىدىكى ھەربىر مۇستەقىل پەن، كەسىپكە بولغان مۇتەخەسسىسلىك.

ئىختىساسشۇناسلىق

  • ئىختىساسشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئىختىساسلىق كىشىلەرنى بايقاش، تاللاش، تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان پەن.

ئىختىساسلاشتۇرماق

  • ئىختىساسلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىختىساسلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىختىساسلاشتۇرۇلماق

  • ئىختىساسلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئىختىساسلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىختىساسلاشماق

  • ئىختىساسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىلىم-پەن، تېخنىكا، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىرىدە كامالەتكە يەتمەك، يۇقىرى پەللىگە چىقماق، ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلانماق، ئىختىساسلىق بولماق:[مىسال:] مىرسۇلتان ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدە ھەقىقىي ئىختىساسلاشقان بىر تىلشۇناس ھېسابلنىدۇ.

ئىختىساسلىق

  • ئىختىساسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە باشقا بىرەر ساھەدە ئىختىساس ئىگىسىگە ئايلانغان، ئىختىساس ئىگىسى بولغان؛ ئىختىساسلاشقان:[مىسال:] ئىختىساسلىق كادىرلار.

ئىختىلاپ

  • ئىختىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قارىمۇ قارشىلىق، كېلىشمەسلىك، زىددىيەت، نىزا:[مىسال:] ئىختىلاپ تۇغۇلماق. ئىختىلاپ پەيدا بولماق.

ئىختىلاپچى

  • ئىختىلاپچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىختىلاپ پەيدا قىلغۇچى شەخس، ئىختىلاپ تۇغدۇرغۇچى ئادەم:[مىسال:] ئۇ تازىمۇ بىر ئىختىلاپچى ئىكەن.

ئىختىلاپسىز

  • ئىختىلاپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىختىلاپ يوق، ئىختىلاپ يۈز بەرمىگەن، ئىختىلاپ تۇغۇلمىغان؛ زىددىيەتسىز:[مىسال:] ئىختىلاپسىز مەسىلىلەر. ∥ ئىختىلاپسىز ھەل بولماق.

ئىختىلاپلىق

  • ئىختىلاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىختىلاپ تۇغۇلغان ياكى تۇغۇلىدىغان، نىزالىق؛ ماھىيەتتە، مەزمۇنىدا قارىمۇقارشىلىقلار، زىددىيەتلەر بولغان:[مىسال:] ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر.

ئىختىئول

  • ئىختىئول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل دورا، يەنى ئورگانىك بىرىكمە. قارىماينى قۇرۇق ھەيدىگەندىن كېيىن سۇلفات كىسلاتاسى ۋە ئاممىياك قوشۇپ ئىشلەنگەن يېپىشقاق ھالەتتىكى بوتقىسىمان سۇيۇقلۇق. رەڭگى قىزغۇچ بېغىر رەڭ ياكى قارا قوڭۇر كېلىدۇ. چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. تېببىي دورىگەرلىكتە قىسمەن جايدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئىختىيار

  • ئىختىيار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆزلۈكىدىن بولغان، زورلۇق تۈس ئالمىغان خاھىش، ئىستەك، ئەرك، مەيل:[مىسال:] كېلىش ئىختىيار بىلەن، كېتىش ئىجازەت بىلەن (ماقال).[يەشمىسى:] ② پايدىلىنىش، تەسەررۇپ ياكى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى، ئىگىلىكى:[مىسال:] بۇ يەرلەر شەھەر ئىختىيارىدا، بولغان ئۆيلەر.

ئىختىيارەن

  • ئىختىيارەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىختىيارىي ھالدا؛ ئىختىيارى بىلەن، ئىختىيارىچە:[مىسال:] سەيلە كېمىسى كۆلدە ئىختىيارەن ئۈزۈپ، خالىغان ياققا بۇرۇلسىمۇ، سەيلىچىلەرنىڭ كۆز ئالدى كېمىچى تەرىپىدىن توسىلىپ قالمايدىكەن.

ئىختىيارسىز

  • ئىختىيارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاھىشىدىن، ئىختىيارىدىن؛ تاشقىرى ئۆز ئىختىيارى ئەمەس:[مىسال:] ئۆمەر ئىختىيارسىز قىز تەرەپكە بۇرۇلدى.

ئىختىيارسىزلىق

  • ئىختىيارسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىختىيارسىز، دىققەت-نەزەرسىز ھالەت:[مىسال:] ئىختىيارسىز ئەستە قالدۇرۇش زور دەرىجىدە ئىختىيارسىزلىققا، بىر تەرەپلىمىلىككە، تاسادىپىيلىققا ئىگە بولۇپ، پەننىي بىلىملەرنى سىستېمىلىق ئىگىلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىختىيارلىق

  • ئىختىيارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز رايى، مەيلى بويىچە يۈرۈش، ئەركىن-ئازادىلىك:[مىسال:] مەركىزىي كومىتېتنىڭ يوليورۇقىدا دېھقانلارنىڭ ئىختىيارلىق پرىنسىپى قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن.

ئىختىيارىي

  • ئىختىيارىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خاھىش-ئىستەك ئەركىگە باغلىق بولغان، كىشىنىڭ ئۆز خاھىشى بىلەن قىلىنىدىغان ياكى قىلىنغان؛ ئەركىن:[مىسال:] ئىختىيارىي ياردەم. ئىختىيارىي ئەۋرىشكە.[يەشمىسى:] ② ئېنىق مەقسىتى بولغان، بەلگىلىك ئىرادە، تىرىشچانلىق لازىم بولىدىغان، ئىختىيار قىلغان، خالىغان، ئىستىگەن:[مىسال:] ئىختىيارىي دىققەت. ئىختىيارىي چېتىشىش.

ئىختىيارىيلىق

  • ئىختىيارىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەركىن-ئازادىلىك، ئۆز رايى، مەيلى بويىچە يۈرگەن، تۇرغان ھالەت:[مىسال:] بۇنىڭدا ھالىمىزغا بېقىپ ئىش قىلىشىمىز، ئىختىيارىيلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىمىزكېرەك.

ئىخچام

  • ئىخچام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① تۈزۈلۈشى، قۇرۇلۇشى يىغىنچاق ھەم جايىدا؛ تۈزۈلۈشى كېلەڭسىز ۋە چېچىلاڭغۇ ئەمەس؛ يىغىنچاق، قۇلاي:[مىسال:] ئىخچام ئۆي. ئىخچام ماشىنا.[يەشمىسى:] ② قىسقا ھەم مەزمۇنلۇق، يىغىنچاقلانغان، يىغىنچاق:[مىسال:] ئىخچام خەت. پىكرى ئىخچام.[يەشمىسى:] ③ يىغىنچاق، ئىخچاملانغان:[مىسال:] مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچام قىلماق.

ئىخچاملاتماق

  • ئىخچاملاتماق[يەشمىسى:] «ئىخچاملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىخچاملاشتۇرماق

  • ئىخچاملاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىخچاملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئورگانلارنى ئىخچاملاشتۇرماق.

ئىخچاملاشتۇرۇشماق

  • ئىخچاملاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئىخچاملاشتۇرماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىخچاملاشتۇرۇلماق

  • ئىخچاملاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئىخچاملاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئورگانلار ئىخچاملاشتۇرۇلدى.

ئىخچاملاشماق

  • ئىخچاملاشماق[يەشمىسى:] ① «ئىخچاملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② ئىخچام ھالەتكە كەلمەك، ئىخچام بولماق:[مىسال:] ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىخچاملاشتى.

ئىخچاملانماق

  • ئىخچاملانماق[يەشمىسى:] «ئىخچاملىماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاپپاراتلار ئىخچاملاندى.

ئىخچاملىق

  • ئىخچاملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىخچام ھالەت، يىغىنچاقلىق.

ئىخچاملىماق

  • ئىخچاملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىخچام قىلماق، ئىخچام ھالەتكە كەلتۈرمەك، يىغىنچاقلىماق:[مىسال:] ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ئىخچاملىماق. ئورگانلارنى ئىخچاملىماق. ماقالىنى ئىخچاملىماق. مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملىماق.

ئىخراج

  • ئىخراج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ①>[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەھەرلىك، سۈتسىمان شىرنە چىقىرىدىغان ئوت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] سۈرگە دورىسى، سۈرگە:[مىسال:] ئىخراج ئىچمەك.

ئىخلاس

  • ئىخلاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① چىن يۈرەكتىن قىلىنغان ئىشەنچ، چىن كۆڭلىدىن بېرىلىش، ئىشەنچ بىلەن بېرىلىش؛ ئەقىدە، ئىتىقاد، مېھىر:[مىسال:] ئىخلاس باغلىماق. ئىخلاسى قايتماق.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈل قويۇش، پۈتۈن دىققىتى، زېھنى بىلەن كىرىشىش، بېرىلىش؛ ئەستايىدىللىق:[مىسال:] ئىخلاس بىلەن كىتاب كۆرمەك. ئىخلاس بىلەن ئۆگەنمەك. * ئەكبەر، مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئىخلاس بىلەن ئاڭلىدى.

ئىخلاس قىلماق

  • ئىخلاس قىلماق[يەشمىسى:] بېرىلمەك، ئىشەنچ باغلىماق، ئەقىدە باغلىماق:[مىسال:] كېۋىرئاخۇن ئۇنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيتتى ۋە ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن ئىخلاس قىلاتتى.

ئىخلاس-ئەقىدە

  • ئىخلاس-ئەقىدە[يەشمىسى:] ئىخلاس ۋە ئەقىدە:[يەشمىسى:] مۇتەللىپ ئۆزگىچە مىجەز-خۇلۇققا، ئىخلاس-ئ[مىسال:] ەقىدىگە ئىگە ئادەم.

ئىخلاسلىق

  • ئىخلاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىخلاس قىلىدىغان، چىن يۈرەكتىن ئىشەنچ بىلەن مۇھەببەت باغلىغان ياكى باغلايدىغان؛ ئىخلاسمەن؛ مۇخلىس:[مىسال:] ئىخلاسلىق ئادەم. * ئۇ ئوقۇشقا ناھايىتى ئىخلاسلىق بالا چىقىپ قالدى.

ئىخلاسمەن

  • ئىخلاسمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىن كۆڭلىدىن بېرىلىدىغان، چىن يۈرەكتىن ئېتىقاد قىلىدىغان:[مىسال:] ئىخلاسمەن بەندە. مەن ئائىلە ئايالىمەن، مەنىسايىمنىڭ ھېچنىېمىسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرىمەن.

ئىخلاسمەنلىك

  • ئىخلاسمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىن ڭۆڭلىدىن بېرىلىش، ئېتىقاد قىلىش:[مىسال:] كېيىن بېرىپ سادىقمۇ بۇ «سىر» غا قىزىقىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدى.

ئىدارە

  • ئىدارە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بەلگىلىك تەرتىپتە باشقۇرۇش، يولغا سېلىش؛ باشقۇرۇش:[مىسال:] ئىدارە قىلماق. دۆلەتنى ئىدارە قىلماق.[مىسال:] [يەشمىسى:] ② [مىسال:] مەلۇم بىر ئىجتىمائىي دۆلەت، مەمۇرىيەت، سودا ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تارماقلىرىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن شتاتلىق خادىملىرى بولغان تەشكىلات، مۇئەسسەسە:[مىسال:] مائارىپ ئىدارىسى. ئىدارىدە ئىشلىمەك.

ئىدارە قىلماق

  • ئىدارە قىلماق[يەشمىسى:] ① باشقۇرماق، تەرتىپكە سالماق:[مىسال:] دۆلەتنى ئىدارە قىلماق.[يەشمىسى:] ② بەلگىلىك بىر تەرتىپتە بويسۇندۇرماق؛ تىزگىنلىمەك، باشقۇرماق:[مىسال:] ئۆزىنى ئىدارە قىلماق. ئۆز ئىرادىسىنى ئىدارە قىلماق.

ئىدارە-جەمئىيەت

  • ئىدارە-جەمئىيەت[يەشمىسى:] ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئىدارە-ئورگان ۋە جەمئىيەت:[مىسال:] ئىدارە-جەمئىيەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى. ئىدارە-جەمئىيەت كادىرلىرى.

ئىدەلىك

  • ئىدەلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قاۋۇل، بۇلۇق.

ئىددەت

  • ئىددەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتىدە ئېرىدىن ئاجراشقان ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ھامىلىدارلىقى ئېنىقلانغۇچە ياتلىق بولۇشى مەنئى قىلىنغان يۈز كۈنلۈك مۇددەت، پەرھىز، كۈتۈش ۋاقتى:[مىسال:] ئىددەت تۇتماق. ئىددەت توشماق. * بۇ بالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى قازا قىلىپ، ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قاپتۇ. ئىددەت مۇددىتى توشا-توشماي ئۆگەي ئانىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، بىر قارا كۆڭۈل ئادەم بىلەن ئېلىپ-تېگىشمەكچى بولۇشۇپتۇ.

ئىدراك

  • ئىدراك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىلىش، چۈشىنىش قابىلىيىتى؛ زېھىن، پەم، پاراسەت:[مىسال:] ئەقىلنىڭ ئۆلچىمى ئىدراك (ماقال). [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرى ياكى تاشقى ئالاقىسى توغرىسىدىكى ئومۇملاشتۇرما ئىنكاس. ئۇمۇ تۇيغۇغا ئوخشاش ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئانالىزاتورلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا پەيدا بولىدۇ. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازى ۋە يۈزەكى باغلىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پسىخىكىلىق جەريان. ئىدراك ھېس ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. ئەمما يەنە ھېسقا قارىغاندا مۇرەككەپرەك، مۇكەممەلرەك بولىدۇ.

ئىدراكسىز

  • ئىدراكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدراكى، ئەقلى يوق؛ زېھنى كۈچى تۆۋەن، ئەقىلسىز، پەمسىز:[مىسال:] ئىدراكسىز ئادەم.

ئىدراكلىق

  • ئىدراكلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدراكى، ئەقلى بار؛ ئەقىل، پەم بىلەن ئىش قىلىدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، پەملىك، پاراسەتلىك:[مىسال:] ئىدراكلىق ئادەم. ئىدراكلىق بالا.

ئىدراكىي

  • ئىدراكىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باي ۋە مول ئەقلىي كۈچ بىلەن چوڭقۇر ھېس قىلىنغان، چوڭقۇر چۈشىنىلگەن؛ ئەقلىي:[مىسال:] ئىدراكىي تونۇش.

ئىدرەم

  • ئىدرەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەردە ياكى كۆڭلەك قاتارلىق نەرسىلەر ئۈستىگە چىقىرىلغان گۈلگە ئوخشاش سىزىقلار ياكى ياغاچ ئۈستىدىكى گۈلگە ئوخشاش سىزىقلار.

ئىدرەملىك

  • ئىدرەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدرەمى بار، سىزىقى، سىزىقچىلىرى بولغان:[مىسال:] ئىدرەملىك ياغاچ.

ئىدېئال

  • ئىدېئال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ھەممە جەھەتتىن كامالەتكە يەتكەن، نەمۇنە بولىدىغان، كەم-كۈتىسىز؛ غايىۋى:[مىسال:] ئىدېئال ئوبراز. ئىدېئال مۇھىت.

ئىدېئالىزم

  • ئىدېئالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] پەلسەپىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپنىڭ بىرى. ئۇ ماددىي دۇنيانى ئاڭنىڭ، روھنىڭ مەھسۇلى؛ ئاڭ ۋە روھ بىرلەمچى، ماددا ئىككىلەمچى دەپ قارايدۇ. ئوبيېكتىپ دۇنيانى سۇبيېكتىپ ئاڭنىڭ ئىپادىلىنىشى ياكى مەھسۇلى دەپ قاراش - سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزم بولىدۇ؛ ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئوبيېكتىپ روھنىڭ ئىپادىلىنىشى ياكى مەھسۇلى دەپ قاراش - ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزم بولىدۇ.

ئىدېئالىزمچە

  • ئىدېئالىزمچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدېئالىزم نۇقتىئىنەزىرى بويىچە، ئىدېئالىستلارغا ئائىت، ئىدېئالىستىك:[مىسال:] ئىدېئالىزمچە كۆزقاراش. ئىدېئالىزمچە نەزەرىيە.

ئىدېئالىزمچى

  • ئىدېئالىزمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىدېئالىزمنى، ئىدېئالىستىك كۆزقاراشلارنى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىلىرىنى ياقلىغۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇ ھەقىقىي بىر ئىدېئالىزمچى ئىكەن.

ئىدېئالىزملىق

  • ئىدېئالىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدېئالىزمغا دائىر، ئىدېئالىزمغا خاس ياكى ئۇنىڭغا ئاساسلانغان:[مىسال:] ئىدېئالىزملىق تارىخقاراش. ئىدېئالىزملىق پەلسەپە. ئىدېئالىزملىق دۇنياقاراش.

ئىدېئالىست

  • ئىدېئالىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① ئىدېئالىزم تەرەپدارى؛ ئىدېئالىزمنى ياقلىغۇچى، ئىدېئالىستىك پەلسەپىنى ھىمايە قىلغۇچى ئادەم؛ ئىدېئالىزمچى.[يەشمىسى:] ② خىيالپەرەس؛ ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، كۆرسەتكۈچى كىشى.

ئىدېئالىستىك

  • ئىدېئالىستىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىدېئالىزمغا دائىر، ئىدېئالىزمغا خاس ياكى ئۇنىڭغا ئاساسلانغان:[مىسال:] ئىدېئالىستىك پەلسەپە. ئىدېئالىستىك دۇنياقاراش. ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەر.

ئىدېئولوگ

  • ئىدېئولوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] بىرەر سىنىپ، ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈم ياكى ئېقىم ئىدېئولوگىيىسىنىڭ، ئىدىيىسىنىڭ ھىمايىچىسى؛ مۇتەپپەككۇر.

ئىدېئولوگىيە

  • ئىدېئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مەلۇم سىنىپ ياكى پارتىيىنىڭ مۇئەييەن كۆزقاراش، پىكىر، ئۇقۇم، ئىدىيىلىرىنىڭ سىستېمىسى. سىياسىي كۆزقاراش، پەلسەپە، سەنئەت، دىنلارنىڭ ھەممىسى ئىدېئولوگىيىنىڭ شەكىللىرىدۇر.

ئىدېئولوگىيىلىك

  • ئىدېئولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدېئولوگىيىگە خاس، ئىدېئولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىدېئولوگىيىگە ئائىت.

ئىدىس

  • ئىدىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] پاشىنىڭ بىر خىلى. يېتىلگىنىنىڭ تېنى قارا ياكى قوڭۇر كېلىدۇ، پۇتىدا ئاق رەڭلىك يوللىرى بولىدۇ، قانىتىدا سەپكۈن بولمايدۇ. جىم تۇرغاندا تېنى تۇرغان تەكشىلىك بىلەن پاراللېل ھالەتكە كېلىدۇ. لىچىنكىسى بىلەن قورچىقى دەرەخ كامارلىرى ياكى داس، قاچىلاردىكى تۇرۇپ قالغان سۇدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. تۇخۇمى سۇ ئاستىغا چۆكۈپ تارىلىپ كېتىدۇ. ئادەتتە ئۇ تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ۋاسىتىچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىدىش

  • ئىدىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈك نەرسىلەرنى سېلىپ قويۇش ئۈچۈن سېغىز لايدىن، ئاغزى چوڭ، بېلى يوغان، تۈۋى سەل كىچىكرەك قىلىپ ئىشلەنگەن ئۆي جابدۇقى:[مىسال:] سۇ ئىدىشى. ئاشلىق ئىدىشى. * ئۇ ھۇرۇنلۇق بىلەن ئوچاققا ئوت قالاپ، چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئىدىشتىن سۇ ئالماقچى بولدى.

ئىدىشلىق

  • ئىدىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدىشى بار، ئىدىشى بولغان:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن بىز بىر ئىدىشلىق بولۇپ قالغانىدۇق.

ئىدىق

  • ئىدىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچنىڭ پورى، پور ياغاچ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پورلاشقان، پور:[مىسال:] ئىدىق ياغاچ. [يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزلۈكىدىن پۇراپ، رەڭگىنى ئۆزگەرتكەن، كۆكۈرۈپ قالغان، بۇزۇلغان:[مىسال:] ئىدىق گۆش.

ئىدىقۇت

  • ئىدىقۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى»غا قاراڭ.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى

  • ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] مىلادىيە 850-1250-يىللاردا ئۆتكەن ۋە ھازىرقى تۇرپاندىكى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر خانلىقى. قۇرغۇچىسى بۇقا تېكىن. بۇ خانلىقنىڭ پايتەختى ئىككى جايدا بولۇپ، بىرى قارىغۇجا شەھىرى، يەنە بىرى بەشبالىق. خانلىقنىڭ دائىرىسى شەرقتە بارىكۆل، شىمالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى، غەربتە قاراشەھەرنىڭ غەربى، جەنۇبتا قۇرۇقتاغ قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مىلادىيە Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ زېمىنى غەربتە ھازىرقى كۇچانىڭ غەربىگە، شەرقتە كەنجوۋ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شاجوۋ رايونى دائىرىسىگە سوزۇلغان.

ئىدىقىشماق

  • ئىدىقىشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاكاللاشماق، ئېيتىشماق.

ئىدىماق

  • ئىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆزلۈكىدىن پۇراپ، رەڭگىنى ئۆزگەرتمەك، كۆكۈرمەك، ئېچىماق، بۇزۇلماق:[مىسال:] ئىدىپ قالماق.[يەشمىسى:] ② پۇرلاشماق.

ئىدىئوم

  • ئىدىئوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] مەنىسى ئۆز تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىگە باغلىق بولمىغان، كۆچمە مەنىلىك سۆز، ئىبارە. مەسىلەن، قولى قىسقا، پوق قورساق، چىشىغا تەگمەك... دېگەنلەرگە ئوخشاش.

ئىدىئوملۇق

  • ئىدىئوملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدىئوم خاراكتېرىنى ئالغان، ئىدىئوم بولۇپ شەكىللەنگەن:[مىسال:] ئىدىئوملۇق سۆز بىرىكمىسى.

ئىدىيە

  • ئىدىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسىدە كىشى مېڭىسىدە ئەكس ئەتكەن ئىنكاسى.[يەشمىسى:] ② نىيەت، مەقسەت، پىكىر:[مىسال:] تىنچلىقنى ساقلاش ۋە مۇستەھكەملەش ئىدىيىسى. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىرەر بەدىئىي، ئىلمىي ياكى سىياسىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، تۈپ ماھىيىتىنى بەلگىلىگۈچى ئاساسىي پىكىر؛ غايە:[مىسال:] ئەسەرنىڭ ئىدىيىسى. «ئويغانغان زېمىن» رومانىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى.

ئىدىيىدە ئازاد بولماق

  • ئىدىيىدە ئازاد بولماق[يەشمىسى:] كۆزقارىشى، مەپكۇرىسى، چۈشەنچىسى ئۆزى ياشىغان زاماننىڭ تەلىپىگە لايىقلاشماق، ئۇيغۇنلاشماق:[مىسال:] بىز ياشلار مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىقىمىز، ئىدىيىدە ئازاد بولۇشىمىز لازىم.

ئىدىيىلىك

  • ئىدىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىدىيىسى بار، ئىدىيىگە ئىگە، ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ قارارى ئىلغار ئىدىيىلىك ياشلارغا خاس پىداكارلىق روھى بىلەن ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئىپتىخارىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنىڭ قوللىشىغا ئىگە ئىدى.

ئىدىيىۋى

  • ئىدىيىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىدېئولوگىيە خاراكتېرىنى ئالغان، ئىدىيە، مەپكۇرىغا ئائىت، روھىي دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك:[مىسال:] ئىدىيىۋى ئاڭ. ئىدىيىۋى ئېقىم. ئدىيىۋى كۈرەش. ئىدىيىۋى يۈك.[يەشمىسى:] ② ئىدىيە جەھەتتىكى، ئىدىيە جۈملىسىگە كىرىدىغان:[مىسال:] ئۇ مەسىلىگە قارىتا مېنىڭ ئىدىيىۋى تەييارلىقىم بار ئىدى.

ئىدىيىۋىلىك

  • ئىدىيىۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدە ئەكىس ئەتكەن روھ، مەزمۇن، كۆزقاراش:[مىسال:] بۇ ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىلىكى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.

ئىرⅠ

  • ئىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] پال.

ئىرⅡ

  • ئىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] جىر، كۈي، ناخشا:[مىسال:] ئەنجۈردىن شېرىن-شەربەت بېرىپ دىلغا، ئىر ئىرلاپ، جاراڭلىق ساز چېلىپ كەپسەن.

ئىرادە

  • ئىرادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەقسەت، نىشان ۋە ئىش-ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىدە بولىدىغان غەيرەت، مەۋقە، قەتئىيلىك:[مىسال:] ئىرادە باغلىماق. ئىرادە تىكلىمەك. ئىرادە تۇرغۇزماق.[يەشمىسى:] ② خاھىش، ئىختىيار؛ قەتئىي نىيەت:[مىسال:] راست گەپنى قىلغاندا، بۇ ئىش مېنىڭ ئىرادەمگە قارشى.

ئىرادىچىلىك

  • ئىرادىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىرادە ئەقىلدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ھەمدە ئۇ ئالەمنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە ماھىيىتى دېگەننى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدېئالىزملىق ۋە غەيرىي ئەقىلچىلىك (غەيرىي راتسىئونالىزملىق) پەلسەپە تەلىماتى. [يەشمىسى:] ②>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىرادە ھەممە پسىخىكىلىق ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدېئالىزملىق پسىخولوگىيە تەلىماتى.

ئىرادىسىز

  • ئىرادىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىرادىسى يوق ياكى سۇس، بوش:[مىسال:] ئىرادىسىز ئادەم.

ئىرادىسىزلىك

  • ئىرادىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىرادىسى ئاجىزلىق، سۇسلۇق، بوشاڭلىق:[مىسال:] ئىرادىسىزلىك قىلماق.

ئىرادىلىك

  • ئىرادىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىرادىسى بار، ئىرادىسى كۈچلۈك:[مىسال:] بارلىق ئىرادىلىك كىشىلەرگە ئوخشاش، ئۇ ھەممىنى ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشكە بەل باغلىدى.

ئىرادىنامە

  • ئىرادىنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە ئۆزىنى شۇ ئىشقا ئاتىغانلىقى، ئىرادە باغلىغانلىقى ھەققىدىكى خەت:[مىسال:] ئىرادىنامە يازماق.

ئىراقⅠ

  • ئىراقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ ئون ئىككىچىسىنىڭ نامى:[مىسال:] ئىراق مۇقامى.

ئىراقⅡ

  • ئىراقⅡ[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ئىراق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبى، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر مايدانى 438 مىڭ 446 كۇۋادىرات كېلومېتىر. ئەرەبلەر %79نى كوردلار %20نى، قالغىنىنى پارىسلار، تۈركلەر تەشكىل قىلىدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئەرەب تىلى بولۇپ، كورد رايونىدىكى ھۆكۈمەت تىلى كورد تىلى ھېسابلىنىدۇ. ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. %96 كىشى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ %60نى شىئە مەزھىپى ئىگەللەيدۇ. ئاز ساندىكى كىشىلەر خىرىستىئان دىنى ياكى يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  • ئىراقنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئىككى دەريا ۋادىسى دۇنيا قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكلېرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىدىكى 4700-يىلدىن باشلاپ ئىراقتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، شومىر پادىشاھى، بابىلون پادىشالىقى، ئاسسۇرىيە پادىشالىقى ۋە كېيىنكى بابىلون پادىشالىقلىرى قۇرۇلغان، كېيىن پارىس (پىرسىيە) ئېمپىرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. مىلادى Ⅶ ئەسىردە ئەرەب ئېمپرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. ⅩⅥ ئەسىردە ئوسمان تۈرك ئېمپرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1920-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ، 1921-يىلى 8-ئايدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1958-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى فايسال سۇلالىسى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئىراق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • ئىراقنىڭ نىفىت زاپىسى مول بولۇپ، ئېنىقلانغان زاپىسى 13 مىليارت 400 مىليون توننىغا، تەبىئىي گازنىڭ زاپىسى بىر ترىلىيون 20 مىليارت كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ. ئىراق ئاھالىسىنىڭ %5.36تى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاشلىقتا ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ. خۇرمىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى تەخمىنەن 400 مىڭ توننا بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %40 تىنى ئىگىلەيدۇ. خۇرمىنىڭ ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.

  • ئاسالىق شەھەرلىرى: ①باغداد. دۆلەت پايتەختى، دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ۋە سودا، مەدەنىيەت مەركىزى. ② بەسرە. ئىراقنىڭ ئەڭ چوڭ دېڭىز پورتى.

ئىراق مۇقامى

  • ئىراق مۇقامى[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] «ئون ئىككى مۇقام» مۇزىكىسىنىڭ ئون ئىككىنچىسى. بۇ مۇقام 8 نەغمە 102 مىسرا بولۇپ، چوڭ نەغمە 5 مۇزىكا، 76 مىسرادىن؛ 3 مەشرەپ 3 نەغمە، 26 مىسرادىن تەشكىل تاپقان.

ئىراقىي

  • ئىراقىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] رەڭدار يىپ، يىپەكلەرنى كېسىشتۈرۈپ، گۈللۈك قىلىپ تىكىلگەن:[مىسال:] ئىراقىي چاپان. ئىراقىي جىيەك. ئىراقىي دوپپا.

ئىرانگۈل

  • ئىرانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىران+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئىنچىكە، گۈلى ئاق ياكى قىزىل، ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

ئىرەكتە

  • ئىرەكتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەركەك، ئەر.

ئىرچى

  • ئىرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناخشىچى:[مىسال:] ئۇ كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىش تەنتەنىسىگە رەھمەت بىلدۈردى. كېيىن ئىرچى قىزلارغا زوق بىلەن نەزەر سالدى.

ئىرراتسىئونال

  • ئىرراتسىئونال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] پۈتۈن سان بىلەن ئۆلچىگىلى، ئىپادىلىگىلى ياكى ھېسابلىغىلى بولمايدىغان؛ ئارىفمېتىكىلىق ئەمەلدىن تاشقىرى يىلتىز تېپىش ئەمىلىنى تەلەپ قىلىدىغان:[مىسال:] ئىرراتسىئونال تەڭلىمە. ئىرراتسىئونال تەڭسىزلىك.

ئىرسا

  • ئىرسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تاغ سەۋسەنىنىڭ يىلتىزى. ياپىلاق، خۇشبۇي، پوستى كۆك، بەزىلىرى قىزىل ۋە رەڭگارەڭ بولىدۇ. بوغۇملۇق كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. ئەزالارنى يۇمشىتىش ۋە قىزىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سېرىق ئاچچىق سۇنى سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىرسىي

  • ئىرسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] نەسىلگە ئائىت، نەسلىدىن نەسلىگە ئۆتىدىغان، قالىدىغان؛ نەسلىي:[مىسال:] ئىرسىي قابىلىيەت. ئىرسىي سىگنال. ئىرسىي يوشۇرۇن كۈچ.

ئىرسىيەت

  • ئىرسىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىق ئورگانىزملارنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرنى ساقلاش ھەمدە نەسلىدىن نەسىلگە قالدۇرۇش قابىلىيىتى.

ئىرسىيەتچانلىق

  • ئىرسىيەتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ ئەجدادىدىن قالغان ئىرسىي خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى.

ئىرسىيەتشۇناس

  • ئىرسىيەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىرسىيەت ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس، ئالىم:[مىسال:] بىراق بەزى ماتېماتىكلار ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈستۈنرەك تۇرىدۇ، بەزى ئىرسىيەتشۇناسلارنىڭ تۆھپىسى ئۇنىڭكىدىن كۆپ.

ئىرسىيەتشۇناسلىق

  • ئىرسىيەتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىرىك ئورگانىزملارنىڭ جىسمانىي ۋە پسىخىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاش ۋە نەسلىدىن نەسلىگە ئۆتكۈزۈش قابىلىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن؛ ئىرسىيەت ئىلمى:[مىسال:] ئىرسىيەتشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانماق.

ئىرسىيەتلىك

  • ئىرسىيەتلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىرسىيىتى بار، ئىرسىيەتكە ئىگە:[مىسال:] ئىرسىيەتلىك توسالغۇ. ئىرسىيەتلىك مۇناسىۋەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نەسلىگە ئائىت، نەسلىدىن نەسىلگە ئۆتىدىغان؛ نەسلىي: ئىرسىيەتلىك بەلگىلەر.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىرسىيەت بىلەن بولىدىغان، ئىرسىيەت ئارقىلىق:[مىسال:] ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىش. ئىرسىيەتلىك ئالدىنى ئېلىش.

ئىرغاڭ

  • ئىرغاڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ماڭغاندا بىر ئۇياق-بىر بۇياق چايقىلىش ھالىتى.

ئىرغاڭلاتماق

  • ئىرغاڭلاتماق[يەشمىسى:] «ئىرغاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دەرەخنى ئىرغاڭلاتماق. * ئالما شېخىنى ئىرغاڭلاتماق.

ئىرغاڭلاشماق

  • ئىرغاڭلاشماق[يەشمىسى:] «ئىرغاڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بوراندا دەرەخ شاخلىرى ئىرغاڭلاشتى.

ئىرغاڭلىماق

  • ئىرغاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر ئۇ ياققا-بىر بۇياققا چايقالماق، ئىرغاڭ-ئىرغاڭ قىلماق، ئىرغاڭشىماق:[مىسال:] ئۇلار دەريا لېۋىگە- ئىرغاڭلاپ تۇرغان ياپراقسىز مەجنۇنتاللار قېشىغا كېلىپ، ئېگىز قىرغاققا چىقتى.

ئىرغاي

  • ئىرغاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. ياغىچى قاتتىق، ئانچە توم بولمايدۇ. ئادەتتە كىچىك سايمانلارغا ساپ قىلىنىدۇ.

ئىرغايلىق

  • ئىرغايلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىرغىيى بار، ئىرغىيى بولغان:[مىسال:] ئىرغايلىق تاغ. ئىرغايلىق تاغ بېلى. ئىرغايلىق جىرا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىرغاي كۆپ ئۆسىدىغان يەر:[مىسال:] قويچى بالىلار ئىرغايلىقتىن ئىرغاي كېسىپ كەلدى.

ئىرغىتىلماق

  • ئىرغىتىلماق[يەشمىسى:] «ئىرغىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بېغىشلىغان باتۇرلار ۋۇجۇدىنى بۇ جەڭگە، ئەنە ئونلاپ ماي تۇڭى ئىرغىتىلدى ئۆستەڭگە.

ئىرغىتماق

  • ئىرغىتماق[يەشمىسى:] ① «ئىرغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەۋكەت تىلىنى «ماقۇل» غا ئۆمەللەۋاتقاندا، ئانار بىرنەرسىدىن ئەندىككەندەك، بېشىنى غەلىتە ئىرغىتتى.[يەشمىسى:] ② چۆرۈپ تاشلىماق، كۆتۈرۈپ ياكى پىرقىرىتىپ ئاتماق:[مىسال:] لەيلىگۈل بېشىنى سىلكىپ، يوغان ئىككى ئۆرۈم چېچىنى ئىرغىتىپ كەينىگە تاشلاپ كۆك كۆز كىشىگە قاراپ نېمىدۇر دېمەكچى بولدى.

ئىرغىشماق

  • ئىرغىشماق[يەشمىسى:] «ئىرغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ساي ۋە جىلغا غوللىرىدا تولۇپ ئاقار سۇ، قاراپ تۇرساڭ تەشنا دىلغا ئەجەب ياقار بۇ. ئورمانلىقتا ئىرغىشىدۇ مارال بۇغىسى، سېخىي ۋادى ئۇنىڭ كۆپتۇر قىلغان سوۋغىسى.

ئىرغىماق

  • ئىرغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سىلكىنمەك، سەكرىمەك:[مىسال:] قادىر بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ كەتتى.

ئىرق

  • ئىرق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① نەسىل، زات.[يەشمىسى:] ② تەن تۈزۈلۈشى جەھەتتە مەلۇم ئورتاق ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى (مەسىلەن، تېرە، چاچ رەڭگى، چاچ شەكلى، كۆز رەڭگى، قان ئايرىمىسى قاتارلىق)گە ئىگە بولغان ئادەملەر توپى، بۇ ئالاھىدىلىكلەر بەلگىلىك رايوندا ئۇزاق مۇددەت تبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدا شەكىللەنەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، پۈتۈن دۇيادىكى ئىنسانلار موڭغۇل ئىرقى، نېگىر ئىرقىۋە ياۋروپا ئىرقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىرققا ۆلۈنىدۇ. ئىرققا ئايرىش جەھەتتە، ئاساسەن رەڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئىنسانلارنى سېرىق تەنلىك، قارا تەنلىك، ئاق تەنلىك ۋە قوڭۇر تەنلىك دەپ ئايرىش ئۇسۇلىمۇ بار.

ئىرقچى

  • ئىرقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىرقچىلىق تەرەپدارى، ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگۈچى، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ياقلايدىغان، خەلققە ئىرقىي پەرق بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان تەرەپ.

ئىرقچىلىق

  • ئىرقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئىرقلار تەڭ ئەمەس، بەزى ئىرقلار ئالىي، بەزىلىرى پەس بولىدۇ، ئالىي ئىرقلار پەس ئىرقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمران بولۇشى تارىخىي زۆرۈرىيەتتۇر» دەپ دەۋا قىلغۇچى بۇرژۇئازىيىچە ئەكسىيەتچى نەزەرىيە يەنى ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق.

ئىرقشۇناس

  • ئىرقشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىرق ئىلمى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى ئادەم؛ ئىرق ئىلمى مۇتەخەسسىسى.

ئىرقشۇناسلىق

  • ئىرقشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەملەرنىڭ بەدەن ۋە رەڭگى، يۈز-كۆز، باش تۈزۈلۈشى ۋە شۇنىڭدەك، نەسلىي بەلگىلىرىنىڭ بىر خىللىقى ياكى ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلار ئىرقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم.

ئىرقىي

  • ئىرقىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىرققا خاس، ئىرققا ئائىت:[مىسال:] ئىرقىي بەلگىلەر. ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتى. ئىرقىي كەمسىتىش.

ئىركاشا

  • ئىركاشا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لۆم-لۆم، گومۇش.

ئىركىت

  • ئىركىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۈتنىڭ مېيى ئېلىۋېلىنغان بىر خىل قالدۇقى.

ئىرلىماق

  • ئىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جىرلىماق، ناخشا ئېيتماق:[مىسال:] قىزلار يېرىم ئۇسسۇللۇق شوق ھەرىكەت بىلەن ئىرلايتتى.

ئىرماش-چىرماش

  • ئىرماش-چىرماش[يەشمىسى:] ① ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق نەرسە، سىزىق ھەم شۇ قاتارلىقلار ئۆزئارا كىرىشىپ، گىرەلىشىپ، ئارىلىشىپ كەتكەن:[مىسال:] ئىرماش-چىرماش سىزىقلار. ئىرماش-چىرماش ئىزلار.[يەشمىسى:] ② مۇناسىۋەت جەھەتتە ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ كەتكەن، مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى ھەددىدىن زىيادە يېقىن، بىر-بىرىگە ئۆتۈشكەن:[مىسال:] ئىرماش-چىرماش باغلىنىش.[يەشمىسى:] ③ ئۆزئارا چېتىشلىقى بولغان، مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] ئۇ بىئولوگىيىنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن ئىرماش-چىرماش ئالاقىسى بارلىقىنى ئاستا-ئاستا سېزىشكە باشلىدى.

ئىرماشماق

  • ئىرماشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ، بىرلىشىپ كەتمەك، چىرماشماق:[مىسال:] ئاللا يارىم سەن كېۋەز بول، مەن يۆگەي بولاي. ئىرمىشىپ-چىرمىشىپ شاخىڭغا قوناي.

ئىروزىيە

  • ئىروزىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تۇپراقنىڭ، يەر پوستىنىڭ سۇ، مۇز ياكى شامال تەسىرىدە يىمىرىلىشى.

ئىروزىيىلىمەك

  • ئىروزىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۇ، مۇز ياكى شامال قاتارلىقلار يەر پوستى، تۇپراق قاتارلىقلارنى يالاپ كەتمەك، يىمىرمەك.

ئىرونىيە

  • ئىرونىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] فورما جەھەتتىن ئىجابىي مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق رىتىملاش ۋە مەسخىرىلەش مەنىلىرىنى ئاڭلىتىدىغان ئىبارە.

ئىرىدىي

  • ئىرىدىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى(iridium)Ir.كۈل رەڭ پاراشوك ھالىتىدىكى ماددا ياكى ئاق، يالتىراپ تۇرىدىغان كاللەك ماددا. قاتتىق ۋە چۈرۈك، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق، قېتىشما تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئىرىدىينىڭ قېتىشمىسى تېگىل ۋە ئالتۇن قەلەم ئۇچى قىلىنىدۇ.

ئىرىس

  • ئىرىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تەركىبىگە سۈت ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان كەمپۈتلەرنىڭ تۈرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىرىس كەمپۈت

  • ئىرىس كەمپۈت[يەشمىسى:] تەركىبىگە سۈت ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان كەمپۈتلەر، سۈت كەمپۈت.

ئىرىڭ-سىرىڭ

  • ئىرىڭ-سىرىڭ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھۇرۇن، ئېزىلەڭگۈ.

ئىرىم

  • ئىرىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭلىگە پۈككەن بىرەر ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، بىرەر بالا-قازانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ياخشىلىقنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولۇشى ئۈچۈن، بىرەر نەرسىنى ياكى ئىشنى شەرت قىلغان ئاساستا باشلاش:[مىسال:] ئىرىم قىلماق. * بۇ ئىشنى نېمىدىن باشلاشنى بىلمەي تۇراتتىم. نورۇز داموللا ۋەقەسى مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىرىم بولىدىغان بولدى.

ئىرىم قىلماق

  • ئىرىم قىلماق[يەشمىسى:] ① كۆڭلىدە ياخشىلىق، ئوڭۇشلۇق تىلەش مەقسىتىدە، ھەم شۇنىڭغا باشلىنىش بولۇپ قالار دېگەن نىيەت بىلەن شەرتلىك بىرەر ئىشنى بەجاغا كەلتۈرمەك، شەرتىنى سۇندۇرماق:[مىسال:] ھېلىقى كىشىلەر قوراللىرىنى تاپشۇردى. شۇ ئارىدا ئامانقۇل قارىياغاچقا باغلاقلىق تۇرغان ھاجەر باقىنىڭ يېنىغا كېلىپ، «ماۋۇ چوشقىنى ئىرىم قىلايلى» دەپ ئاتماقچى بولدى.[يەشمىسى:] ② سودىدا شۇ كۈنى بىرىنچى بىرنەرسىنى سېتىپ كىرىم قىلماق، پۇل ئالماق:[مىسال:] ئۇستام، جىددىي لازىم بولۇپ قالدى، ئون يۈەن بېرىپ تۇرسىلا، مەن چۈشتىن كېيىن قايتۇرسام، دېدىم تونۇش سودىگەرگە. لېكىن سودىگەر «كەچۈرسىلە، تېخى ئىرىم قىلمىغانىدىم، ئىرىم قىلغاندىن كېيىن بەرسەم» دېدى.

ئىرىمچىك

  • ئىرىمچىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۈتنى ئوتتا ئىللىتىپ، ئۇنىڭغا قېتىق قوشۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق قىسمى. ئۇ قىزىل ئىرىمچىك ۋە ئاق ئىرىمچىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.

ئىز

  • ئىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاياغ بىلەن يەرنى دەسسىگەندە ياكى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىگە سىزغاندا، جىجىغاندا، يازغاندا ياكى قول بىلەن بىرەر نەرسىنى تۇتقاندا چۈشۈپ قالغان بەلگە، ئىزنا:[مىسال:] ئاياغنىڭ ئىزى. ئاتنىڭ ئىزى. قامچا ئىزى. تاياق ئىزى. ئىز قوغلىماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسە يۈزىگە يۇقۇشتىن ھاسىل بولغان داغ:[مىسال:] كىيىمدىكى بۇ قان ئىزىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بۈگۈندىن تارتىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغانىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشى كۆڭلىدىكى ئازاب، داغ؛ كۆڭۈلدە قەپقالغان مەنىۋى تەسىر:[مىسال:] بۇ ئىش ئۇنىڭ يۈرىكىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇردى. [يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ۋەقەنىڭ يىپ ئۇچى:[مىسال:] ئۇ ياقۇپ ياساۋۇلنى كۆرۈپ ياكى ئۇنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپلا، ئۆز ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشكەنىدى.[يەشمىسى:] ⑤ ئومۇمەن يول، نىشانە:[مىسال:] يولۋاس ئىزىدىن قايتماس، يىگىت سۆزىدىن (ماقال).[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر ئىشنى قىلىشتا ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا تۇتۇپ كەلگەن يولى، ئۇسۇلى:[مىسال:] خىلمۇخىل گەپلەر يۈرۈپتۇ يېزىدا، ئاشپۇزۇل مېڭىۋېرىپتۇ ئىزىدا.[يەشمىسى:] ⑦ ئەسلىدىكى ئورنى، ئەسلىي ھالىتى:[مىسال:] ئىزىغا چۈشمەك. * ھاياتنىڭ ئەگرى-توقاي مۇساپىسى، ئوخشايدۇ، تىنىم تاپماس كەڭ دېڭىزغا، بەزىدە كۆتۈرۈلسە ئۇندا دولقۇن، بەزىدە چۈشەر پەسلەپ ئۆز ئىزىغا.[يەشمىسى:] ⑧ ئورۇن:[مىسال:] ئۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىزىغا بىزنىڭ شىركەتتىن بىرسىنىڭ بالىسى ئورۇنلاشقان.[يەشمىسى:] ⑨ قالدۇقى، ئىزناسى:[مىسال:] ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىزى بارنىڭ ئىزى بار (ماقال).[يەشمىسى:] 01 تەسىرى، تەسىرىي كۈچ، تەسىر كۈچى:[مىسال:] خەپ توختاپ تۇر، بۇ ئوردىدىن سېنىڭ ئىزىڭنى يوقاتمىسام مەن خان ئاغىچىلىق ئېتىمنى يۆتكىۋېتىمەن دېدى ئۇ قاتتىق ئاۋازدا.11 [كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بۇرۇنقى زامانلاردىن قەپقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ھېسابىدىكى جاي، قەدىمىي شەھەر قاتارلىقلارنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان، ساقلىنىپ قالغان قىسمى، قالدۇقى، يادىكارلىق، ئەسەر:[مىسال:] قەدىمكى شەھەر ئىزلىرى. خارابە ئىزلىرى.[يەشمىسى:] 21 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ، پېشقەدەملەرنىڭ ياكى بىرەر شەخسنىڭ ھاياتىدا قالدۇرۇپ ئۆتكەن ئىش-ھەرىكىتى، پائالىيىتى ۋە پائالىيەت يۆنىلىشى؛ يول، مۇساپە:[مىسال:] ئىز قالدۇرماق. باتۇرلار ئىزىدىن ماڭماق. * بىز ئالدىنقى ئەۋلادلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ئالغا ماڭىمىز.

ئىز باسماق

  • ئىز باسماق[يەشمىسى:] ① ئارقىدىن يېتىشىپلا كەلمەك، سوڭدىماق، سوڭداشماق:[مىسال:] نىجات، تاشپولاتلار ئىز بېسىپ، ئىككى تەرەپتىن ئۆمىلەپ كېلىپ، ئىككى دانە قول بومبىسى بىلەن پوتەينى ۋەيران قىلدى.[يەشمىسى:] ② ئورنىنى ئالماق، ئورنىنى ئىگىلىمەك، ۋارىسى بولماق:[مىسال:] -سەن داداڭنىڭ ئىزىنى باسقىن - دېدى ئۇ ماڭا. * ئۇ ئۇسسۇل سەنئىتىدە ئۇستازىنىڭ ئىزىنى باستى ۋە سەھنە ھاياتىدىمۇ ئۇستازىنىڭ يولىدىن ماڭدى.

ئىز پۇلى

  • ئىز پۇلى[يەشمىسى:] سودىگەرنىڭ مالنى باشقىلاردىن توپ بويىچە ياكى پارچە سېتىۋالغان باھاسى:[مىسال:] بولسا بولار، بولمىسا ئىز پۇلى بولار(ماقال).

ئىزىغا چۈشمەك

  • ئىزىغا چۈشمەك[يەشمىسى:] ① پېيىغا چۈشمەك:[مىسال:] ئۈنئالغۇدىن ئاڭلانغان بۇ خۇپىيانە سۆز ئىزىغا چۈشكەن كىشىنىڭ راستتىنلا ئەتكەسچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② نورمال ھالەتكە كەلمەك، نورمال رەۋىشتە يولغا قويۇلماق:[مىسال:] پات يېقىندا شۇجى يەنە خىزمىتىگە ئولتۇرىدۇ، ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشىدۇ. *خۇدا خالسا، جاھان ئوڭشىلىپ، ئىزىغا چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئىزىغا سالماق

  • ئىزىغا سالماق[يەشمىسى:] ① ئەسلىدىكى نورمال ھالىتىگە، تەرتىپىگە كەلتۈرمەك؛ نورمال ھالەتكە چۈشۈرمەك، نورماللاشتۇرماق:[مىسال:] تۇرمۇشىنى ئىزغا سالماق. ئىشنى ئىزىغا سالماق.[يەشمىسى:] ② شەكىللەندرۈرمەك؛ پەيدا قىلماق، ياراتماق:[مىسال:] ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاتا-بوۋىلار ئىز سېلىپ بېسىپ ئۆتكەن تۈگىمەس ئۇزۇن يوللار مۇشۇ ئەمەسمۇ

ئىزا

  • ئىزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇيىلىش تۇيغۇسى؛ ئۇيات، خىجالەت، نومۇس:[مىسال:] ئىزا تارتماق. ئىزاغا قالماق. * ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق (ماقال).

ئىزا-ئاھانەت

  • ئىزا-ئاھانەت[يەشمىسى:] ئىزا ۋە ئاھانەت:[مىسال:] ئىزا-ئاھانەت قىلماق. ئىزا-ئاھانەتكە قالماق. * بۈگۈن كەچكى قەدىرسىزلىك ۋە ئىزا-ئاھانەتلەر ئۇنىڭ نېرۋىسىنى قاپلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى باسماقتا ئىدى. * ئۇلار ئىزا-ئاھانەت ئىچىدە زار-زار يىغلاشقا باشلىدى.

ئىزافەت

  • ئىزافەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئىسىملارنىڭ قاراتقۇچى-قارالمىش مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كېلىشى. تەۋەلىك مۇناسىۋەت.

ئىزافەتلىك

  • ئىزافەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەۋەلىك مۇناسىۋىتىدە باغلانغان: ئىزافەتلىك بىرىكمە.

ئىزا-نومۇس

  • ئىزا-نومۇس[يەشمىسى:] ئىزا ۋە نومۇس.

ئىزاھ

  • ئىزاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۆز، ئىبارە ھەم ئۇنىڭ مەنىسى ياكى ۋەقە-ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارغا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ ئىزاھات، يەشمە، شەرھ:[مىسال:] ئىزاھ بەرمەك. بوۋاي ئىزاھ تەلەپ قىلىپ ئادىلغا قاراپ قويدى.[يەشمىسى:] ② تېكىستلارنىڭ ئايرىم يېرىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى ئايرىم مەسىلىگە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش؛ قوشۇمچە مەلۇمات، ئەسكەرتىش:[مىسال:] تەرجىمان يەنە ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇكەممەل ئىزاھلارنى قوشقان.

ئىزاھات

  • ئىزاھات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىزاھ؛ ئىزاھلار، چۈشەندۈرۈشلەر، شەرھلەر:[مىسال:] ئىزاھات بەرمەك. * رەيھان بۇ سۆزلەرگە ئىزاھات بەردى.

ئىزاھاتسىز

  • ئىزاھاتسىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىزاھاتى يوق، ئىزاھات بەرمەيلا:[مىسال:] يىگىتلەر تۇرغۇننىڭ مەقسىتىنى ئىزاھسىزلا چۈشەندى.

ئىزاھلاتماق

  • ئىزاھلاتماق[يەشمىسى:] «ئىزاھلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۆزنى ئىزاھلاتماق.

ئىزاھلاشماق

  • ئىزاھلاشماق[يەشمىسى:] «ئىزاھلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىزاھلانماق

  • ئىزاھلانماق[يەشمىسى:] «ئىزاھلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ يىل ئەتىيازدىن ھازىرغىچە جەمئىي بەش مىڭ لېكسىكا ئىزاھلىنىپ بولدى.

ئىزاھلىق

  • ئىزاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىزاھى بار، مەنىسى، ماھىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن:[مىسال:] ئىزاھلىق لۇغەت.

ئىزاھلىق لۇغەت

  • ئىزاھلىق لۇغەت[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆز مەنىلىرى شەرھلەپ، چۈشەندۈرۈپ كۆرسىتىپ بېرىلگەن لۇغەت:[مىسال:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى. ئۆزبېك تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى.

ئىزاھلىماق

  • ئىزاھلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۆز-ئىبارە ياكى بىرەر ئىش، ۋەقە-ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرمەك، ئۇنىڭ مەنىسىنى، ماھىيىتىنى ئېچىپ كۆرسەتمەك، يەشمەك، شەرھلىمەك:[مىسال:] ئۇ مېنىڭ چىرايىمدىكى غەزەپ ئارىلاش تەئەججۈپنى كۆردى بولغاي، سۆزىنى ئىزاھلىدى.[يەشمىسى:] ② تېكست ئىچىدىكى مەلۇم جۈملە ياكى سۆزگە ئىزاھات بەرمەك:[مىسال:] سۆزنى ئىزاھلىماق.

ئىزاھنامە

  • ئىزاھنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئە+پ[[يەشمىسى:] ئىزاھ، چۈشەندۈرۈش يېزىلغان قەغەز ياكى كىتابچە:[مىسال:] ئۇ ئىزاھنامە يېزىلغان قەغەزلەرنى بىر چەتكە ئېلىپ قويۇپ، چېرتيوژنىڭ يۆگىكىنى يېپىپ تۈزلىدى.

ئىزباسار

  • ئىزباسار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىز+باسار[[يەشمىسى:] ئالدىنقىلارنىڭ ئورنىنى دەسسەپ، ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىنى، قىلغان ئىش-ئىزلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى؛ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى شەخس، ئادەم:[مىسال:] ئىزباسار تەربىيىلەش. ئىزباسار يېتىشتۈرۈش. * شەۋكەت ئۇنىڭ تۇنجى ئىزباسارى بولدى.

ئىزباسارلىق

  • ئىزباسارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش ئىشى، ئادىتى.

ئىزتىراپ

  • ئىزتىراپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① قاتتىق ھاياجان:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە توساتتىن شېرىن، ئەمما غەمكىن ئىزتىراپ ئويغاندى.[يەشمىسى:] ② روھىي ئازاب، روھىي ئېزىلىش، ھەسرەت، سىقىلىش، ئەلەم:[مىسال:] بۇ مىنۇتلار تاشۋاينىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاچچىق ئىزتىراپ ۋە ئىسيان مىنۇتلىرى ئىدى.

ئىزچى

  • ئىزچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىزىغا چۈشۈپ، ئىز قوغلاپ تاپقۇچى كىشى ياكى ئىزنى ياخشى بىلىدىغان ھەم شۇ ئارقىلىق بىرەر ۋەقە، ئىشنىڭ يىپ ئۇچىنى تېپىپ ئېنىقلايدىغان رازۋېدچىك:[مىسال:] پادىشاھ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىزچى، سىنچى، رەمچى، قۇرئەندازلارنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشكە بۇيرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى باسقۇچى، ئورنىنى ئىگىلىگۈچى ئادەم؛ ئىزباسار:[مىسال:] بالىلارغا بېرىلگەن بۇ ئىنقىلابىي تەربىيە، بەك جايىدا بولدى، دېدى مۇنىرىدىن، شائىر دوستىنىڭ ئىزچى تەربىيىلەش يولىدا كۆرسەتكەن ئەقىل-پاراسىتىدىن مەمنۇن بولۇپ.[يەشمىسى:] ③ [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] شىڭ شىسەي دەۋرىدىكى «ئىزچىلار» ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇلار بىر خىل كۆك كىيىم كىيىپ، ئالا كالتەك تۇتۇپ ئاممىۋى يىغىنلارغا چىقاتتى.

ئىزچىل

  • ئىزچىل[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەمىشە بىر خىل داۋام قىلىدىغان، داۋاملىشىپ كەلگەن، دائىملىق، ئۆزگەرمەس:[مىسال:] بۇ ئۇنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىزچىل ئادىتى. لېكىن ئۇ بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىر تەخلىتتە، بىر يۆنىلىشتە، بىر خىل رەۋىشتە ھەرقانداق چاغدا، ھەرقانداق جايدا بىر خىل، باشتىن-ئاخىر، ئېغىشماي:[مىسال:] ئىزچىل ياخشى:[مىسال:] پارتىيە سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر يولدىن ئېغىشماي ماڭىدىغان، دائىم بىردەك:[مىسال:] ئىزچىل ھالدا. * مانجۇ خانلىقى قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا مانجۇ خانغا سادىقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مېھرىبانۇنى بۈگۈن يېڭىساردىن قۇمۇلغا ئەكەلدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزئارا مەنتىقىيلىق باغلىنىشلىقى بولغان، مەلۇم قانۇنىيەت، پرىنسىپلارغا باشتىن-ئاخىر بىردەك ئەمەلىيلەشكەن، باشتىن-ئاخىر بىردەك ھەل قىلىنغان، سىستېمىلىق، مۇنتىزم:[مىسال:] ئىزاھلىق لۇغەتلەردە ئىزاھنىڭ ئىزچىل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىزچىلار

  • ئىزچىلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] بەزى دۆلەتلەردىكى ئۆسمۈر بالىلار تەشكىلاتى. ئازادلىقتىن بۇرۇنقى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىمۇ ئېلىمىزدە بۇ خىل تەشكىلات بولغان.

ئىزچىللاشتۇرماق

  • ئىزچىللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىزچىللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سىياسەتنى ئىزچىللاشتۇرماق.

ئىزچىللاشماق

  • ئىزچىللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باشتىن-ئاخىر ئىزچىل، بىردەك بولماق، بىر پۈتۈن ئىشنىڭ ھەممىسىدە ئىزچىللىق، بىردەكلىك ساقلانماق، ئىزچىل بىر خىل ھەل قىلىنماق:[مىسال:] بىر مىللەت تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنىڭ ياخشى-يامان تۈزۈلۈشى ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىزچىللىشىشىدا.[يەشمىسى:] ② ئىجرا قىلىنماق، ئىجرا بولماق، ئەمەلگە ئاشماق، ئەمەلىيلەشمەك:[مىسال:] كادىرلار سىياسىتى ئىزچىللاشتى. * پارتىيىنىڭ سىياسىتى ئىزچىللاشتى.

ئىزچىللىق

  • ئىزچىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەمىشە بىر خىل داۋاملىشىش، داۋاملىشىپ كېلىش، ئۆزگەرمەسلىك:[مىسال:] قابىلىيەت بىر خىل ئىندىۋىدۇئال پسىخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئىزچىللىق، مۇستەھكەملىكتىن ئىبارەت.

ئىزخىر

  • ئىزخىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن، ياپىلاق، گۈلى كونۇسسىمان گۈل رېتىدە، تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. غول ۋە يوپۇرمىقىدىن ئىزخىر مېيى ئېلىنىپ ئەتىرنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.

ئىزدەتمەك

  • ئىزدەتمەك[يەشمىسى:] «ئىزدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] لەشكەر باشلىقلىرى لەشكەرلىرىنى ئۆيمۇئۆي ئىزدىتىپتۇ، شۇ چاغدا بىر لەشكەر ئېغىلدا تۇرغان بىر خوتۇننىڭ دەرۋازىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپتۇ.

ئىزدەشتۈرمەك

  • ئىزدەشتۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىزدەش ۋە شۇ خىلدىكى ھەرىكەتنى قىلماق، ئىزدىمەك:[مىسال:] ئانام قاراڭغۇ ئۆيدىن قىشلىق ئايىغىمنى ئىزدەشتۈرۈپ، ئاخىرى تاپتى.

ئىزدەشمەك

  • ئىزدەشمەك[يەشمىسى:] «ئىزدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇكا، ئۇستىنى ئىزدىشىپ بەرسەڭ بوپتىكەن، جىددىي ئىش بار ئىدى، دېدى سۇلايمان.

ئىزدەكچى

  • ئىزدەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىزدەش ئۈچۈن مەخسۇس ئەۋەتىلگۈچى كىشى:[مىسال:] پادىشاھ ھەر تەرەپكە ئىزدەكچى ئەۋەتىپ، جاكار سېلىپ، ھېچ دېرەك ئالالمىدى، ئاكىسى بۇنىڭغا ناھايىتى قاتتىق قايغۇردى.

ئىزدەك-سوراق

  • ئىزدەك-سوراق[يەشمىسى:] بىرەر ئادەم ياكى ئىش، مەسىلە قاتارلىقلار ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك بولغان خەۋەر، ئۇچۇر، خەت-خەۋەر، دېرەك:[مىسال:] ئىزدەك-سوراق قىلماق.

ئىزدەلمەك

  • ئىزدەلمەك[يەشمىسى:] «ئىزدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىزدەنمەك

  • ئىزدەنمەك[يەشمىسى:] ① «ئىزدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئابلىز بۇ ھەقتە بىرەر چارە تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنگەنىدى.[يەشمىسى:] ② بىر ئاماللارنى قىلماق، چارە قىلىپ ئېرىشمەك:[مىسال:] ئانىنىڭ مىسكىن كۆزلىرىدە ئۈمىد ۋە كۈلكە پەيدا بولدى، ئۇ ئىزدىنىپ ئېشىنغان پۇلىغا ئوغلى ئۈچۈن چىرايلىق پوسما ۋە يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ بەردى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشنى ياخشى ئىشلەش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە ئۆگىنىش مەقسىتىدە ئىشتىياق بىلەن بېرىلمەك:[مىسال:] ئىزدىنىپ ئۆگەنمەك. كەسىپ ئۈستىدە ئىزدەنمەك.

ئىز-دېرەك

  • ئىز-دېرەك[يەشمىسى:] ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى، مەلۇم-مەلۇم ئەمەسلىكى ھەققىدە ئېلىنغان ئۇچۇر، خەۋەر، دېرەك:[مىسال:] ئىز-دېرىكى يوق. ئىز-دېرىكىنى قىلماق. ئىز-دېرىكى بولماسلىق. ئىز-دېرىكىنى ئالماق.

ئىز-دېرەكسىز

  • ئىز-دېرەكسىز[يەشمىسى:] ئىز-دېرىكى يوق، بىرەر ئىز، ئۇچۇر قالدۇرماي، خەۋىرى بىركىمگە ئايان بولمايلا، جىممىدىلا:[مىسال:] ھاجى توختى مەكتەپتىن ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتتى.

ئىز-دېرەكلىمەك

  • ئىز-دېرەكلىمەك[يەشمىسى:] ئىز-دېرىكىنى قىلماق، ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرمەك:[مىسال:] نېمە ئاساسىڭ بار دېدى زەۋقى ئىز-دېرەكلەپ.

ئىزدىمەك

  • ئىزدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە نەرسىنىڭ قالدۇرغان ئىزىنى بويلاپ ماڭماق، ئىزىنى باقماق:[مىسال:] بىز سۇ چېچىشىپ ئوينايدىغان جىگدە بۇلاقچۇ، ئۇ يەردە مەن سىزنىڭ ئىزلىرىڭىزنى ئىزدىدىم، دېدى شاكىر.[يەشمىسى:] ② ئۆزىگە لازىم بولغان بىرەر ئادەم ياكى نەرسىنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق، قىدىرماق:[مىسال:] * ئۆتكەن يىلى بىركۈنى سادىق مېنى ئىزدەپ ئىشخانامغا كېلىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ تاپماق:[مىسال:] قۇسۇر ئىزدىمەك. نۇقسان ئىزدىمەك.

ئىززەت

  • ئىززەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① باشقىلارغا قىلىنىدىغان ياكى باشقىلاردىن كۆرگەن، ئېرىشكەن ھۆرمەت؛ ئېھتىرام:[مىسال:] ئىززەت قىلماق. ئىززەت تاپماق.[يەشمىسى:] ② جەمئىيەت تەرىپىدىن شەكىللەنگەن ئىناۋەت، ئابرۇي، نام-شەرەپ، شۆھرەت، پەخىر:[مىسال:] ۋەتەننىڭ ئىززىتى. ئىززىتىنى ساتماق.[يەشمىسى:] ③ ئەر-ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ئىززەت-ئابرۇي

  • ئىززەت-ئابرۇي[يەشمىسى:] ئىززەت ۋە ئابرۇي، ئىناۋەت:[مىسال:] تالىپنىڭ شۇنچە ئىززەت-ئابرۇي بىلەن كۈتۈپ ئېلىنىشى روشەندە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.

ئىززەتسىز

  • ئىززەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىززىتى يوق، ئىززەت قىلىنمايدىغان ياكى ئىززىتىنى بىلمەيدىغان:[مىسال:] ئىززەتسىز ئادەم.

ئىززەت-غۇرۇر

  • ئىززەت-غۇرۇر[يەشمىسى:] ئىززەت ۋە غۇرۇر:[مىسال:] ئىززەت-غۇرۇرى يەرگە ئۇرۇلغان فۇگۈەننىڭ يۈزى تاتىرىپ كەتتى.

ئىززەتلەشمەك

  • ئىززەتلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىززەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرىنى ئىززەتلىشىپ، ھۆرمەتلىشىپ كەلمەكتە.

ئىززەتلەنمەك

  • ئىززەتلەنمەك[يەشمىسى:] «ئىززەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مېھمانلار تۈرلۈك غىزا-تائاملار بىلەن ئىززەتلەندى.

ئىززەتلىك

  • ئىززەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىززىتى بار، ئىززىتى بولغان، ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر؛ مۆھتەرەم، ھۆرمەتلىك:[مىسال:] ئىززەتلىك ئادەم.

ئىززەتلىمەك

  • ئىززەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىززەت قىلماق، ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتمەك، ھۆرمەت تۇيغۇسىدا قارىماق، ھۆرمەتلىمەك:[مىسال:] سىلەر بىلەن بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئىززىتىنى قىلىشمىساق، كىم بىزنى ئىززەتلەيدۇ

ئىززەت-نەپس

  • ئىززەت-نەپس[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى، پەزىلەتلىرىنى سېزىش ۋە ئۇنى قەدىرلەش ھېسسى؛ غۇرۇر:[مىسال:] ئىززەت-نەپسىگە تەگمەك.

ئىززەت-نەپسىگە تەگمەك

  • ئىززەت-نەپسىگە تەگمەك[يەشمىسى:] خورلىماق، غۇرۇرىغا تەگمەك، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلماسلىق:[مىسال:] ھەر كىشىنىڭ ئىززەت-نەپسى بولىدۇ، كىشىنىڭ ئىززەت نەپسىگە تېگىشكە بولمايدۇ.

ئىززەت-ھۆرمەت

  • ئىززەت-ھۆرمەت[يەشمىسى:] ئىززەت ۋە ھۆرمەت:[مىسال:] ئۇ سەمىمىي ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىۋاتقان كىشىگە قارىدى.

ئىززەت-ئېھتىرام

  • ئىززەت-ئېھتىرام[يەشمىسى:] ئىززەت ۋە ئېھتىرام:[مىسال:] مەھمۇد بەلخى ئۇنى ئىززەت-ئېھتىراملار بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. تۈرلۈك-تۈمەن تائاملارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ.

ئىززەت-ئىكرام

  • ئىززەت-ئىكرام[يەشمىسى:] ئالىي ھۆرمەت ۋە ئىززەت:[مىسال:] ئىشىكنىڭ چېكىشلىشىگە جاۋابەن ئۆيدىن چىققان ياشانغان ئاتا مېھرىباننى ئىززەت-ئىكرام بىلەن قارشى ئالدى.

ئىزسىز

  • ئىزسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىزى يوق، ئىزى بولمىغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىز قالدۇرماي؛ ئىز-دېرىكىنى ئالغىلى، تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە:[مىسال:] يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا، تۆمۈر خەلپىنىڭ قەبرىسىمۇ ئىزسىز يوقىلىپ كەتتى.

ئىزغىرىن

  • ئىزغىرىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سوغۇق، مۇزدەك (شامال ھەققىدە):[مىسال:] قاپقاراڭغۇ كېچە، سىرتتا ئىزغىرىن شامال، يىراقتىن نەغمە-ناۋا ئاۋازى كەلمەكتە.

ئىز-قارىسى

  • ئىز-قارىسى[يەشمىسى:] ئىزناسى:[مىسال:] شۇ يوقالغانچە بىرنەچچە ئايغىچە ئۇنىڭ بۇ ئەتراپتا ئىز-قارىسى كۆرۈنمىدى.

ئىزمە

  • ئىزمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىيىم، ياستۇق، خۇرجۇن، ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنىڭ تۈگمە ئۆتكۈزىدىغان تۆشۈكى:[مىسال:] ئىزمە بېكىتمەك. سومكىنىڭ ئىزمىسىنى ئەتمەك.

ئىزمۇق

  • ئىزمۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ياللۇغ ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. ئۇنىڭدىن ئاروماتىك مايلارنى ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.

ئىزمۇئىز

  • ئىزمۇئىز[يەشمىسى:] ئىزىنى بويلاپ، ئىز بېسىپ، ئىزدىن چىقماي، ئىزىنى يىتتۈرۈپ قويماي:[مىسال:] ئون كۈنگىچە قەمەرۇززامان قۇشنىڭ كەينىدىن ئەنە شۇنداق ئىزمۇ ئىز قوغلاپ مېڭىپتۇ.

ئىزمىلەتمەك

  • ئىزمىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئىزمىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىزمىلەشمەك

  • ئىزمىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىزمىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىزمىلەنمەك

  • ئىزمىلەنمەك[يەشمىسى:] «ئىزمىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىزمىلىك

  • ئىزمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىزمىسى بار، ئىزمە چىقىرىلغان، ئىزمە ئېچىلغان:[مىسال:] ئۇ بېشىغا يازلىق ئاددىي قارا مالىخاي، ئۇچىسىغا ئىزمىلىك ئاق كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى.

ئىزمىلىمەك

  • ئىزمىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىزمىگە ئۆتكۈزمەك ياكى ئىلماق؛ ئىزمىگە ئۆتكۈزۈش ياكى ئىلىش ئارقىلىق ئەتمەك:[مىسال:] چىبەرقۇت تۇجۇركامنىڭ تۈگمىلىرىنى كېكىردىكىمگىچە تاقاپ ئىزمىلەۋېتىپ ئۆزۈمنىڭ نەنى نىشانلاپ كېلىۋاتقانلىقىم گۈپپىدە يادىمغا چۈشتى.

ئىزنا (ئىزناسى)

  • ئىزنا (ئىزناسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە نەرسىنىڭ دەسسىگەن ياكى تەگكەن ئىزى؛ بەلگە:[مىسال:] ئۇ كالاچ سېپىۋالغان ئاياغلىرىنى كىيىپ كونا تام ئىزناسى بىلەن يېڭى تام ئارىلىقىنى ماڭداپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② قالدۇق ئىز:[مىسال:] بۇرۇن ياسىغان يوللارنىڭ يامغۇر-يېشىندا ئىزناسى قالمىدى.[يەشمىسى:] ③ رەسىم ياكى جىسىمنىڭ سىرتقى گىرۋەكلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى سىزىق؛ ئومۇمىي كۆرۈنۈش؛ دائىرە:[مىسال:] ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئىزناسىنى سىزىپ چىقاردى.[يەشمىسى:] ④>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] تاش ئويما، مىس قورال قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ شەكلى ۋە ئۈستىدىكى رەسىم، يېزىق قاتارلىقلارنىڭ قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىرىلغان ئىزى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دىر:[مىسال:] ئىزناسىنى قايتۇرماق. ئىزناسىنى چىقىرالماسلىق.

ئىزناسىز

  • ئىزناسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىزناسى يوق، ئىزناسى قالمىغان؛ ئىزسىز:[مىسال:] ئۇ يەردىكى ئەگرى-بۈگرى كوچىلار، بىر-بىرىگە ئۆگزىلىرى تۇتىشىپ كەتكەن، تۆپە پەنجىرىلىك ئۆيلەر ئىزناسىز يوقالغان.

ئىزناك

  • ئىزناك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە بىرەر تەسۋىر ۋە بىرەر ئورگاننىڭ ياكى ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ نامى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ماددىي بەلگە:[مىسال:] خاتىرە ئىزنىكى. ئىزناك تاقىماق.

ئىزنالىق

  • ئىزنالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىزناسى بار، ئىزناغا ئىگە:[مىسال:] ئىزنالىق سىزما.

ئىزنىماق

  • ئىزنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «كىشنىمەك»كە قاراڭ.

ئىزھار (ئىزھارى)

  • ئىزھار (ئىزھارى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بايان قىلىش، سۆزلەش، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش، بىلدۈرۈش:[مىسال:] -قايتىپ كەلگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى، -دېدى ھېسامىدىن زۇپەر خۇشاللىق ئىزھار قىلىپ.

ئىزھارلىماق

  • ئىزھارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بايان قىلماق، ئىزھار قىلماق، ئېيتىپ چۈشەندۈرمەك، بىلدۈرمەك:[مىسال:] ئۇ مىننەتدارلىقىنى ئىزھارلىغان ھالدا ئۇلارغا باش لىڭشىتىپ قويدى.

ئىزوتروپ

  • ئىزوتروپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] «ئىزوتروپىيە»گە قاراڭ.

ئىزوتروپلۇق

  • ئىزوتروپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىزوتروپىيىگە ئائىت، ئىزوتروپىيىگە خاس، ئىزوتروپىيىگە ئاساسلانغان:[مىسال:] ئىزوتروپلۇق خۇسۇسىيەت.

ئىزوتروپىيە

  • ئىزوتروپىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بەزى ماددىلارنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش، توك ئۆتكۈزۈش، كۆپۈش، نۇر قايتۇرۇش قاتارلىق فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى. ئۇنىڭ ھەرقايسى يۆنىلىشلىرىدە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ خۇسۇسىيەت «ئىزوتروپىيە» دېيىلىدۇ. ئۇ ھەر خىل پولىلرسنال ۋە ئامورف جىسىملارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

ئىزوتوپ

  • ئىزوتوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «ئىزوتوپلار»غا قاراڭ.

ئىزوتوپلار

  • ئىزوتوپلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىرەر خىمىيىۋى ئېلېمېنت ئاتوملىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئاتوم ئېغىرلىق ۋە رادىئوئاكتىپلىقى بىلەن پەرق قىلىدىغان تۈرلىرى.

ئىزوتوپلۇق

  • ئىزوتوپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىزوتوپى بار، ئىزوتوپقا ئىگە:[مىسال:] ئىزوتوپلۇق يۆتكىلىش. ئىزوتوپلۇق يېشى.

ئىزوتون

  • ئىزوتون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] نېيترون سانلىرى ئوخشاش بولىدىغان، لېكىن ئاتوم نومۇرلىرى ئوخشاش بولمايدىغان، شۇ سەۋەبتىن ماسسا سانلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىغان نۇكلىدلار، مەسىلەن، 613C بىلەن 714N ئۆزئارا ئىزوتونلاردۇر.

ئىزوتېرما

  • ئىزوتېرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ ئىزوتېرمىك جەريانىدىكى بېسىمى بىلەن ھەجمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپايدىلەيدىغان ئەگرى سىزىق. ئادەتتە ئۇ ئارقىلىق گازلارنىڭ ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ ھالىتى، گاز ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ فازا ئۆزگىرىشىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئىپادىلىنىدۇ.

ئىزوتېرمىك

  • ئىزوتېرمىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئىزوتېرمىغا ئائىت، ئىزوتېرما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] ئىزوتېرمىك سىزىق. [يەشمىسى:] ② تېمپېراتۇرا ئۆزگەرمەي بىر خىل تۇرىدىغان: ئىزوتېرمىك جەريان.

ئىزوسپىن

  • ئىزوسپىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئاتوم يادروسى ۋە ئاساسىي زەررىچىلەرنىڭ تەتقىقاتىدا قوبۇل قىلىنغان ئالاھىدە كۋانت سانى.

ئىزولياتسىيە

  • ئىزولياتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توكنى توسۇپ ئۆتكۈزمەسلىك. ئادەتتە ئىنتايىن يۇقىرى ئېلېكتر قارشىلىقىغا ئىگە بولغان ماددىلار ئىزولياتسىيە قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىزولياتسىيىلەتمەك

  • ئىزولياتسىيىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئىزولياتسىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىزولياتسىيىلەشمەك

  • ئىزولياتسىيىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىزولياتسىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىزولياتسىيىلەنمەك

  • ئىزولياتسىيىلەنمەك[يەشمىسى:] «ئىزولياتسىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىزولياتسىيىلىمەك

  • ئىزولياتسىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زەرەتلىك جىسىمنى باشقا قىسىملاردىن ئايرىش تەدبىرى، ئۆتكۈزگۈچ سىمىنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت توك ئۆتكۈزمەس جىسىمنى قاپلاش ئارقىلىق ئۇنى توك ئۆتكۈزمەيدىغان ياكى سوقۇۋەتمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەك.

ئىزولياتور

  • ئىزولياتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىسسىقلىق ياكى توكنى ئاسان ئۆتكۈزمەيدىغان جىسىم. ئادەتتە ئۇ ئىسسىقلىق ئىزولياتورى (مەسىلەن، توپا، گاز، كاۋچۇك) ۋە ئېلېكتر ئىزولياتورى (مەسىلەن، چاقچۇق، چىرىمتال، ماي، كاۋچۇك) دەپ ئايرىلىدۇ.

ئىزومورف

  • ئىزومورف[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىزومورفىزم خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئىزومورف ماددىلار.

ئىزومورفىزم

  • ئىزومورفىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ماددا كرىستاللاشقاندا، ئۇنىڭ كرىستال قۇرۇلمىسىدا مەلۇم خىلدىكى ئىئون ياكى ئاتوم ئىگىلىگەن ئورنىنىڭ بىر قىسمىنى ۋاسىتىچى ماددىلاردىكى خۇسۇسىيىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان باشقا خىلدىكى ئىئون ياكى ئاتوم ئىگىلەپ بىرلىكتە كرىستاللىشىپ، تەكشى يەككە فاتسىيىلىك ئارىلاشما كرىستالغا (يەنى ئورۇن ئالماشقان شەكىلدىكى قاتتىق ئېرىتمە جىسىمغا) ئايلانسىمۇ، لېكىن، باغ خۇسۇسىيىتىگە ۋە كرىستال قۇرۇلمىسى شەكلىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەتمەيدىغان ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىزومېر

  • ئىزومېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] مولېكۇلىلىرىنىڭ تەشكىل تېپىشى ۋە مولېكۇلا مىقدارى پۈتۈنلەي ئوخشاش، ئەكسىچە مولېكۇلىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ھەم خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئوخشاشمايدىغان ماددىلار.

ئىزومېرلىنىش

  • ئىزومېرلىنىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىدىغان، ئەمما تەركىبى ۋە مولېكۇلا ماسسىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان خىمىيىۋىي رېئاكسىيە.

ئىزومېرىيە

  • ئىزومېرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىزومېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىبارەت بىر خىل ھادىسە.

ئىزوئوكتان

  • ئىزوئوكتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مەلۇم ئوكتان ئىزومېرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر خىلى، رەڭسىز سۇيۇقلۇق. ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللارنىڭ سىلىندىرى ئىچىدە كۆيگەندە پارتلاشقا بولغان قارشىلىق ياخشىراق بولغاچقا، ماتورلارنىڭ ياخشى يېقىلغۇسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىزۋوت

  • ئىزۋوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئارمىيە ئىچىدە ليەننىڭ قارىمىقىدىكى ئۈچ بەندىن تەركىب تاپقان كىچىك قوشۇن؛ پەي:[مىسال:] ئىزۋوت كوماندىرى. * ئۇ بىر ئىزۋوت بىلەن چارلاشقا چىقىپ كەتتى.

ئىس

  • ئىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يېقىلغۇلارنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان، تولۇق يانمىغان، رەڭگى ئاساسەن قارا، سۇر ۋە شۇلارغا يېقىن كېلىدىغان ئىنتايىن كىچىك دانىچىلار ئارىلاشقان گاز؛ تۈتۈن:[مىسال:] كۆمۈرنىڭ ئىسى. * ئىسىنى بۇلۇت كۆرمەس، يۇندىسىنى ئىت كۆرمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئېگىز تاغ رايونلىرىدا ھاۋا قاتلىمىنىڭ كىسلورود ئاز ھالىتى.

ئىسپات

  • ئىسپات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پىكىر، دەۋا، پەرەز ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى، ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ياكى يۈز بەرگەن ھادىسىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەيدىغان پاكىت، ھۆججەت؛ دەلىل:[مىسال:] ئىسپات ئالماق. * سودىگەرنىڭ ئاچچىقى كېلىپ: نېمە ئىسپاتىڭىز بار-دەپ سوراپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر قائىدە ياكى دەۋانىڭ توغرىلىقىنى باشقا مەلۇم قائىدىلەر ئاساسىدا مەنتىقىي مۇلاھىزە ۋە دەلىللەر بىلەن تەستىقلاش ئۇسۇلى، سىستېمىسى:[مىسال:] ئۇ دەۋانى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئىسپات تولۇق بولۇشى كېرەك.

ئىسپاتسىز

  • ئىسپاتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسپاتى يوق، ئىسپات بولمىغان ياكى بولالمايدىغان، ئىسپاتسىز گەپ، ئىسپاتسىز خەۋەر.

ئىسپاتلاتماق

  • ئىسپاتلاتماق[يەشمىسى:] «ئىسپاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىسپاتلاشماق

  • ئىسپاتلاشماق[يەشمىسى:] «ئىسپاتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كۆپلىگەن ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتى.

ئىسپاتلانماق

  • ئىسپاتلانماق[يەشمىسى:] «ئىسپاتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تارىخىي ئاساسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى مىلادىيىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقى ئىسپاتلانماقتا.

ئىسپاتلىق

  • ئىسپاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسپاتى بار، ئىسپات بولغان ياكى بولالايدىغان، ئىسپات-دەلىلى توغرا ۋە ھەقىقىي، چىن:[مىسال:] ئىسپاتلىق شەكىل.

ئىسپاتلىماق

  • ئىسپاتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پىكىر، دەۋا، پەرەز ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىنى ياكى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە-ھادىسىنىڭ چىنلىقىنى دەلىل، ھۆججەت، پاكىت بىلەن تەستىقلىماق، دەلىللىمەك:[مىسال:] بۇنداق ئەھۋالدا ئارسلانوپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى قايسى پاكىت بىلەن ئىسپاتلايدۇ[يەشمىسى:] ② بىرەر قائىدە ياكى ئىش، دەۋانىڭ توغرىلىقىنى باشقا مەلۇم قائىدىلەر ئاساسىدا مەنتىقىي مۇلاھىزە ۋە دەلىللەر بىلەن تەستىقلىماق، ئېنىقلىماق:[مىسال:] تېئورېمىنى ئىسپاتلىماق. * زەرگەر ئۇستاممۇ ئېرىنمەستىن بىر-بىرلەپ سىناپ كۆرۈپ، ھەممىسىنىڭ قىزىل مىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئىسپاتنامە

  • ئىسپاتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] مەزمۇنى ياكى مەنىسى ئارقىلىق ئەنزىگە ئالاقىدار پاكىتلارنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ھۆججەتلەر. ئۇ خەت-ئالاقە، ھۆججەت، ھېساب دەپتىرى، تەكشۈرۈش دوكلاتى، مەكتۇپ، توختام، تىلخەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسپان

  • ئىسپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى:[مىسال:] ئۇلار ئىسپانىيەنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسى ئىسپانلاردۇر.

ئىسپانچە

  • ئىسپانچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسپانلارغا، ئىسپان خەلقىگە، ئىسپان تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت؛ ئىسپان خەلقىگە خاس:[مىسال:] ئىسپانچە ئۇسسۇل. ئىسپانچە ناخشا. ئىسپانچە كىيىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسپان تىلى، يېزىقى:[مىسال:] ئۇ، ئىسپانچىنى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋ.[يەشمىسى:] ئىسپان تىلى ۋە يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ئىسپان تىلىدا:[مىسال:] ئىسپانچە سۆزلىمەك.

ئىسپەغول

  • ئىسپەغول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاقىيوپۇرماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى باشاقسىمان گۈل رېتىدە، مېۋىسى غوزىلىق مېۋە، ئۇرۇق ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، يوپۇرمىقىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش يولى بار.

ئىسپىراپكا

  • ئىسپىراپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] دوختۇرنىڭ كېسەلنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، كېسەلنىڭ دەم ئېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىش ئورنىغا قارىتىپ، كېسىلىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىسپات خېتى:[مىسال:] ئىسپىراپكا ئالماق. ئىسپىراپكا يازماق.

ئىسپىرت

  • ئىسپىرت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، شۇنىڭدەك رەڭسىز، ئاسان ئوت ئالىدىغان سۇيۇقلۇق. ئالاھىدە پۇراققا ئىگە. ئۇنى تەركىبىدە قەنت بولغان ماددىلارنى ئېچىتىپ دىستىلەش ئارقىلىق ياكى ئېتىلىندىن ئېلىشقا بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ سىنتېتىك كاۋچۇك سۇلياۋ، بوياق قاتارلىقلارنىڭ خام ئەشياسى بولۇپ، خىمىيە سانائىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئېرىتكۈچى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپ، دېزىنفېكسىيە ھەم چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئىسپىرتلىق

  • ئىسپىرتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ئىسپىرتى بار، ئىسپىرتى بولغان:[مىسال:] ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر.

ئىسپېرما

  • ئىسپېرما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] «مەنىي»گە قاراڭ.

ئىستاپىل

  • ئىستاپىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] كېمە ياسىلىدىغان، قۇراشتۇرۇلىدىغان ۋە سۇغا چۈشۈرۈلىدىغان ئىش سورۇنى.

ئىستاتور

  • ئىستاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئېلېكتىر دۋىگاتېلى ۋە گېنېراتورنىڭ روتورغا ماسلاشتۇرۇلغان ھەم سىرتقى قاپقا مەھكەم ئورنىتىلغان قىسمى.

ئىستاكان

  • ئىستاكان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، سىلىندىر شەكىللىك ئەينەك قاچا:[مىسال:] ئۇ ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ بىر ئوتلىدى ۋە يېنىدىكى شىرەگە قويدى.

ئىستانسا

  • ئىستانسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① پويىز ياكى باشقا ترانسپورت ۋاسىتىلىرى توختايدىغان جاي؛ بېكەت:[مىسال:] پويىز ئىستانسىسى. ئايروپىلان ئىستانسىسى.[يەشمىسى:] ② ئالاقە، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن:[مىسال:] رادىئو ئىستانسىسى. ھاۋا رايى ئىستانسىسى.

ئىستانوك

  • ئىستانوك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] مېتال ياكى باشقا ماتېرىياللارنى مېخانىكىلىق ئاساستا پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان بىر خىل ماشىنا. ئادەتتە مېتاللارنى قىرىدىغان ئىستانوكلار كۆپرەك كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئىستانوكچى

  • ئىستانوكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ئىستانوكتا ئىشلەيدىغان ئىشچى.

ئىستەك

  • ئىستەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىدە بىرەر نەرسىگە بولغان ئىنتىلىش؛ تىلەك، خاھىش:[مىسال:] نىجاتنىڭ كۆڭلىدە چايخانىغا كىرىش ئىستىكى تۇغۇلدى.

ئىستەكسىز

  • ئىستەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستىكى يوق، ئىستىكى بولمىغان:[مىسال:] راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنى پۈتۈنلەي پىلانسىز ۋە ئىستەكسىز ئادەم دېيىشكە بولىدۇ.

ئىستراتېگىيە

  • ئىستراتېگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۇرۇش قىلىش سەنئىتى:[مىسال:] ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىجتىمائىي، سىياسىي كۈرەشكەرەھبەرلىك قىلىش سەنئىتى:[مىسال:] ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئىستراتېگىيىسى.

ئىستراتېگىيىلىك

  • ئىستراتېگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ياكى ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان؛ پۈتۈن ئارمىيىگە ئائىت:[مىسال:] ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن-ئىستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇش.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئومۇمىي ياكى ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە ئەھمىيىتى زور، مۇھىم بولغان، ئەھمىيەتلىك؛ ھەل قىلغۇچ:[مىسال:] ئىستراتېگىيىلىك فاڭجېن. ئىستراتېگىيىلىك جاي.

ئىسترېلكا

  • ئىسترېلكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① سائەت ۋە تۈرلۈك ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئۆلچىنىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ سان-مىقدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋە ئۇچى نەيزىگە ئوخشايدىغان يىڭنىسىمان سايمىنى:[مىسال:] سائەت ئىسترېلكىسى. كومپاس ئىسترېلكىسى.[يەشمىسى:] ② شۇخىل شەكىلدىكى سىزىق ياكى بەلگە:[مىسال:] يول كۆرسەتكۈچى ئىسترېلكا.

ئىسترېلكىلىق

  • ئىسترېلكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسترېلكىسى بار، ئىسترېلكا ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ يوغان كۆزلىرىنى ئۈستەل ئۈستىدىكى قىزىل ئىسترېلكىلىق سائەتكە تىكتى.

ئىستودېنت

  • ئىستودېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى.

ئىستون

  • ئىستون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] گېزىت-ژۇرنال قاتارلىقلار سەھىپىسىنىڭ ھەربىر بۆلىكى:[مىسال:] «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نىڭ ھەربىر بېتى ئىككى ئىستون قىلىپ تەييارلاندى.

ئىستوۋۇل

  • ئىستوۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] مىلتىق، توپ قاتارلىق ئېتىش قوراللىرىنىڭ ئوق ئېتىلىپ چىقىدىغان نەيسىمان قىسمى:[مىسال:] مىلتىق ئىستوۋۇلى. * ئۇ پىلىموت ئىستوۋۇلىنى بۇرىدى.

ئىستوۋۇللۇق

  • ئىستوۋۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستوۋۇلى بار، ئىستوۋۇل ئورنىتىلغان:[مىسال:] ئۇ قولتۇقىدىن پارچىلانغان ئىككى ئىستوۋۇللۇق ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئوقداننى ئالدى.

ئىس-تۈتەك

  • ئىس-تۈتەك[يەشمىسى:] ئىس ۋە تۈتەك:[مىسال:] ئىس-تۈتەكلەر ئىچىدە قالماق.

ئىس-تۈتۈن

  • ئىس-تۈتۈن[يەشمىسى:] «ئىس-تۈتەك»كە قاراڭ:[مىسال:] كۆرۈندى قارىيىپ ۋەيرانە يېزا، كۆرۈندى ئىس-تۈتۈن، سۆگەت-تاللىرى. چېرىكلەر ئولتۇرغان ھارۋىلار كىردى مەھەللىگە، قارىشار يېزا بالىلىرى.

ئىستېپا

  • ئىستېپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆز مەنسىپىدىن ياكى خىزمىتىدىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن چېكىنىش، ۋاز كېچىش، بوشىنىش:[مىسال:] ئىستېپا سورىماق. ئىستېپا بەرمەك.

ئىستېدات

  • ئىستېدات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىجادىي قابىلىيەت؛ لاياقەت، تالانت:[مىسال:] يازغۇچىلىق ئىستېداتى. ئىستېدات ئىگىلىرى. * ئاماننىسادىكى قابىلىيەت ۋە ئىستېدات پادىشاھنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

ئىستېداتلىق

  • ئىستېداتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىجادىي قابىلىيەتكە ئىگە، قابىلىيەتلىك، تالانتلىق:[مىسال:] ئۇ دادىسىدىنمۇ ئىستېداتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغاندەك، تۇرىدۇ.

ئىستېركۇل

  • ئىستېركۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئىستېركۇل دەرىخى»گە قاراڭ.

ئىستېركۇل دەرىخى

  • ئىستېركۇل دەرىخى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] جۇڭگو چىنارى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئۇرۇقى كۆپىنچە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. كېكىردەك ئاغرىش، ئاۋاز پۈتۈش ۋە يۆتەل قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىستېلا (ئىستالاسى)

  • ئىستېلا (ئىستالاسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ دۆلىتىنى بېسىۋېلىش، مۇستەملىكە قىلىش؛ مۇستەملىكە، ئىشغال، ئىشغالىيەت:[مىسال:] ئىستېلا قىلماق. * ئۇ موڭغۇل ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ئىش ئىكەن.

ئىستېلاچى

  • ئىستېلاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ يېرىنى، مەملىكىتىنى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋالغۇچى، ئىستېلا قىلغۇچى، مۇستەملىكىچى، ئىشغالىيەتچى.

ئىستېلاچىلىق

  • ئىستېلاچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ دۆلىتىنى، يېرىنى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋېلىش ھەم شۇنداق مەقسەتتە ئېلىپ بارغان ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەت، سىياسەت؛ ئىشغالىيەت، تاجاۋۇزچىلىق:[مىسال:] ئىستېلاچىلىق سىياسىتى. ئىستېلاچىلىق يولى.

ئىستېمال (ئىستېمالى)

  • ئىستېمال (ئىستېمالى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ماددىي ئەشيالارنى سەرپ قىلىپ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش جەريانى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمالى ۋە شەخسىي ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇ ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ بىر ھالقىسىدۇر.[يەشمىسى:] ② ئىشلىتىش، قوللىنىش، پايدىلىنىش:[مىسال:] ئىستېمال ماللىرى. ئىستېمالدىكى سۆزلەر. ئىستېمالدىن قالغان سۆزلەر.[يەشمىسى:] ③ يېيىش-ئىچىش، قوبۇل قىلىش:[مىسال:] گۆش ئىستېمال قىلىش. دورا ئىستېمال قىلىش.

ئىستېمالچى

  • ئىستېمالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىستېمال قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى، پايدىلانغۇچى؛ سېتىۋالغۇچى، خېرىدار:[مىسال:] ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتماق.

ئىستىئارە

  • ئىستىئارە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] «مېتافورا»غا قاراڭ.

ئىستىبدات

  • ئىستىبدات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھاكىممۇتلەق؛ زالىم:[مىسال:] ئىستىبدات ھاكىمىيەت. ئىستىبدات دەۋر.

ئىستىبداتچى

  • ئىستىبداتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىستىبداتلىقنى ياقلىغۇچى، زالىملىقنى ھېمايە قىلغۇچى بىرەر ئادەم ياكى گۇرۇھ، پارتىيە:[مىسال:] ئەسكى تۇرمۇش ھەر قەدەمدە ۋەيران بولسا، بۇنى كۆرۈپ ئىستىبداتچىلار گۇمران بولسا، ئوقۇمىغان نادانلار ئەمدى ئىنسان بولسا، بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى.

ئىستىبداتچىل

  • ئىستىبداتچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستىبداتلىقنى ياقلايدىغان، ئىستىبداتلىق:[مىسال:] ئىستىبداتچىل چىرىك نىيەتلەرنى، تارمار ئەتتۇق، خار-زار ئەتتۇق، يەنە ئەتمەكچىمىز.

ئىستىبداتچىلىق

  • ئىستىبداتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاكىممۇتلەقلىق، زالىملىق، ئىستىبداتلىق.

ئىستىبداتلىق

  • ئىستىبداتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇستەبىتلەر ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، ئىمتىيازىغا ئاساسلىنىپ، ئاجىزلار، مەزلۇملار، پۇقرالار ئۈستىدىن زۇلۇم قىلىش، ئېزىش:[مىسال:] ئىستىبداتلىق قىلماق. * بىز زۇلۇمنى، ئىستىبداتلىقنى يوق قىلىشنى خالايمىز.

ئىستىخىيە

  • ئىستىخىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىدىن، خاھىشىدىن تاشقىرى تەبىئىي ھالدا مەيدانغا كېلىدىغان، ئىدارە قىلىپ، ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى يولغا سېلىپ بولمايدىغان ئىجتىمائىي كۈچ ياكى ھادىسە. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەرنى بىلمىگەن، ئىگىلىمىگەن چاغدىكى پائالىيىتى.

ئىستىخىيىلىك

  • ئىستىخىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىدىن، خاھىشىدىن تاشقىرى تەبىئىي يوسۇندا بارلىققا كېلىدىغان، يۈز بېرىدىغان؛ نىشانسىز، ئاڭسىز:[مىسال:] ئىستىخىيىلىك ھەرىكەت. ئىستىخىيىلىك تىرىشچانلىق.

ئىستىراتىپ

  • ئىستىراتىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] قوغۇشۇن بەتنى قۇيۇپ چىقىرىدىغان قېلىپ. ئالاھىدە ئىشلەنگەن قەغەزنى تىزىلىپ بولغان بەت ئۈستىگە يېيىپ، بېسىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

ئىستىراھەت

  • ئىستىراھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دەم ئېلىش، ھاردۇق ئېلىش، ئارام ئېلىش:[مىسال:] ئىستىراھەت ئورنى. * شۇ كۈنى چۈشلۈك ئىستىراھەت ۋاقتىدا مەن مەتتوختەمنى خالىيراق بۇرجەككە تارتىپ ئاپاردىم.

ئىستىراھەتخانا

  • ئىستىراھەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] دەم ئالىدىغان جاي، ئارامگاھ:[مىسال:] ئۇلار بىزنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن داليەن شەھىرىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى باڭچۇيداۋ ئىستىراھەتخانىسىغا ئەكىتىدىغان بولدى.

ئىستىراھەتگاھ

  • ئىستىراھەتگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىستىراھەت ئورنى، دەم ئېلىش ئورنى:[مىسال:] ئىستىراھەتگاھقا بارماق.

ئىستىسقا

  • ئىستىسقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] قورساق بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ قالىدىغان بىر خىل كېسەللىك. كۆپىنچە جېگەر قېتىش، جېگەر راكى، بەزى يۈرەك كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسىلى ۋە ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىشلاردىن پەيدا بولىدۇ.

ئىستىسنا

  • ئىستىسنا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قائىدە-قانۇندىن، ئومۇمىي پرىنسىپ، تەرتىپتىن ياكى قاتاردىن، ھېسابتىن تاشقىرى؛ قائىدە-قانۇن، ھېسابلارنىڭ سىرتىدا؛ مۇستەسنا:[مىسال:] ئىستىسنا قىلماق.

ئىستىغپار

  • ئىستىغپار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئاللادىن گۇناھىنى كەچۈرۈشنى ئۆتۈنۈپ سوراش، تەلەپ قىلىش، قىلغان گۇناھلىرىغا توۋا قىلىش:[مىسال:] گۇناھ ئەڭ ئاۋۋال ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدا كۆرۈلگەنىدى. بۇ زات ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى. ئادەم ئەلەيھىسسالام گۇناھىغا پۇشايمان قىلىپ ئىستىغپار ئېيتقانىدى.

ئىستىقامەت

  • ئىستىقامەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ۋاقتىنى بىرەر جايدا خۇداغا سىغىنىش، تاۋاپ قىلىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش ياكى خۇداغا تېۋىنىش بىلەن ئۆتۈش:[مىسال:] ئىستىقامەت قىلماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر جايدا ياشاش، تۇرۇش، ھايات كەچۈرۈش؛ تىرىكچىلىك:[مىسال:] شۇندىن كېيىن، مەن «مۆھتەرەم قارى» قۇربان ئاقساقالنىڭ ئۆيىدە ئىستىقامەتتە بولۇشنى قارار قىلدىم.

ئىستىقامەتچى

  • ئىستىقامەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىستىقامەت قىلغۇچى ئادەم:[مىسال:] ئۇ ئاشۇ تاغدىكى بىر ئىستىقامەتچى ئىكەن.

ئىستىقبال

  • ئىستىقبال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كەلگۈسىدىكى ھايات، تىرىكچىلىك يولى، كەلگۈسىدىكى چىقىش يولى:[مىسال:] گۈزەل ئىستىقبال. * ئۇ بالىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ئىكەن.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشنىڭ، نەرسىنىڭ كېلەچەكتىكى تەقدىرى؛ ئاقىۋەت:[مىسال:] شەھەرنىڭ ئىستىقبالى. * مانا بۇ - ساپ دىللىق بىلەن قارا نىيەتلىكنىڭ ۋە ئىستىقبال بىلەن ھالاكەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كەسكىن بەلگىسى ئىدى.[يەشمىسى:] ③ ياخشى كۆرگەن، ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈپ ئېلىش؛ قارشى ئېلىش:[مىسال:] ئىستىقبالىغا چىقماق.

ئىستىقبالسىز

  • ئىستىقبالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستىقبالى، كېلەچىكى يوق، كېلەچىكىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغان، ئىستىقبالى ياخشى ئەمەس:[مىسال:] - پۈتۈنلەي ئىستىقبالسىز بىر ئادەم بولۇپ قالدىم، - دېدى ئۇ ئازابلىنىپ.

ئىستىقباللىق

  • ئىستىقباللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستىقبالى، كېلەچىكى پارلاق؛ كېلەچىكىدىن ياخشى ئۈمىد كۈتسە بولىدىغان، كېلەچىكى ياخشى، ئۈمىدلىك:[مىسال:] ئىستىقباللىق ياش ئالىم. ئىستىقباللىق ياشلار.

ئىستىقلال

  • ئىستىقلال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا تەۋە، قارام بولماي، بېقىنماي ئۆز ئەركى بىلەن ياشاش؛ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش؛ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك:[مىسال:] مىللىي ئىستىقلال. - * بىزگە قۇللۇق كېرەك ئەمەس، ئىستىقلال كېرەك، - دېدى كۆپچىلىك ئىچىدىن بىرەيلەن كۈچلۈك ئاۋازدا.

ئىستىقلالىيەت

  • ئىستىقلالىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، ئازادلىق:[مىسال:] ئابدۇراخمان مۆمىنوپقا ئالاھىدە بۇيرۇق بويىچە مايورلۇق ئۇنۋانى ۋە «ئىستىقلالىيەت» ئوردېنى بېرىلگەنئىدى.

ئىستىقلالىيەتچى

  • ئىستىقلالىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى ياكى مۇستەقىللىق، ئازادلىقنى ھىمايە قىلىدىغان، ياقلايدىغان ئادەم:[مىسال:] ئەخمەتجان قاسىمى سېپى ئۆزىدىن بىر ئىستىقلالىيەتچى ئىدى.

ئىستىقلالىيەتچىلىك

  • ئىستىقلالىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىستىقلالنى، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، تىرىشىش ياكى مۇستەقىللىقنى، ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش، قوللاش.

ئىستىل

  • ئىستىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① ئىدىيە، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئىپادىلەنگەن پوزىتسىيە؛ ھەرىكەت:[مىسال:] بيۇروكراتلىق ئىستىلى. ئىستىلى دۇرۇس كىشى. ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] مۇئەييەن بىر دەۋر، بىر مىللەت، بىر ئېقىم ياكى بىر كىشىنىڭ ئەدەبىي ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن ئاساسىي ئىدىيىۋى ئالاھىدىلىك ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىك؛ ئۇسلۇب:[مىسال:] رومانتىكىلىق ئىستىل. كىتابىي ئىستىل.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئۇسۇلى:[مىسال:] رەھبەرلىك ئىستىلى.

ئىستىلىزاتسىيە

  • ئىستىلىزاتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىرەر يازغۇچى ئىجادىغا خاس غايىۋى، بەدىئىي خۇسۇسىيەتلەرگە، ئىپادە قىلىش ئۇسۇلىغا، تىلىغا ۋە ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىش.

ئىستىلىستىكا

  • ئىستىلىستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ پىكىر ۋە ھېسسىياتنى ياخشى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستىلىستىكىلىق قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى، ئۇسۇللارنى، تىل ۋاستىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىيېكتى قىلىدۇ.

ئىستىلىستىكىلىق

  • ئىستىلىستىكىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستىلىستىكىغا خاس، ئىستىلىستىكىغا دائىر:[مىسال:] ئىستىلىستىكىلىق تۈس. ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە.

ئىستىلىي

  • ئىستىلىي[مىسال:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستىلغا ئائىت، ئىستىلغا ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] - پارتىيىنىڭ ئىستىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم، - دېدى ئۇ.

ئىستىمەك

  • ئىستىمەك[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] ئىستەك تۇغۇلماق، ئۈمىد قىلماق، خالىماق، ئارزۇ قىلماق:[مىسال:] ھەركىم بۇ يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان قىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئىستەيتتى.

ئىستىنجا

  • ئىستىنجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەرەت، بوشۇنۇش؛ تەرەتتىن كېيىن يۇيۇنۇش:[مىسال:] ئىستىنجا قىلماق.

ئىستىھزا

  • ئىستىھزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىركىمنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈش؛ مەسخىرە؛ مازاق؛ كىنايە:[مىسال:] ئالىم باشتا ئىستىھزا بىلەن كۈلۈمسىرىدى، كېيىن چىرايىدا چوڭقۇر ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان بىر خىل ئىپادە پەيدا بولدى.

ئىستىھزالانماق

  • ئىستىھزالانماق[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] كىنايە قىلماق، مەسخىرە قىلماق:[مىسال:] ئۇ سۆز قايتۇرۇشنى ئورۇنسىز بىلدىمۇ ۋە ياكى جاڭجالنىڭ ئۇلغىيىشىدىن قورقتىمۇ، قىسقىسى ئۇزاققىچە ئىستىھزالىنىپ قاراپ تۇردى.

ئىستىھزاسىز

  • ئىستىھزاسىز[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىستىھزا قىلمىغان، تەنە قىلماستىن؛ ئىستىھزادىن خالىي، كىنايىسىز، توغرا:[مىسال:] ئۇنىڭ كۈلكىسى ئىستىھزاسىز، سەمىمىي ئىدى. * مۇدىر ھېچقانداق تەنە ئىستىھزاسىز، مۇلايىملىق بىلەن زىننەتكە پاراڭ قىلدى.

ئىستىھزالىق

  • ئىستىھزالىق[مىسال:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستىھزاسى بولغان، مەسخىرە قىلغانلىقى بىلىنىپ تۇرغان، كىنايىلىك، مەسخىرىلىك:[مىسال:] زەينەپ ئاچىسىنىڭ ئىستىھزالىق يۈزىگە قارىدى ۋە ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشىنەلمىدى.

ئىستىھكام

  • ئىستىھكام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] مۇداپىئە ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇستەھكەم توساق، تام، قەلئە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار:[مىسال:] بارات غەزەپتىن تىترەپ كەتتى-دە، باشقىلارنىڭ توسۇشىغا قارىماي، پارتلاتقۇچنى كۆتۈرۈپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا قاراپ ئېتىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇستەھكەم تايانچ، تۈۋرۈك؛ قورغان:[مىسال:] ئىتتىپاقلىق كۈچ، بىرلىك ئىستىھكامدۇر.

ئىستىۋرا

  • ئىستىۋرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] چوڭ-كىچىك ھاجەت، تەرەت:[مىسال:] ئىستىۋرا قىلماق.

ئىستىۋراخانا

  • ئىستىۋراخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ھاجەتخانا»غا قاراڭ.

ئىسچوت

  • ئىسچوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] مەبلەغنىڭ مەنبەسى، ئىشلىتىلىشى، تىجارەت جەريانى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ بوغالتىرلىق ھېساب تۈرلىرىگە ئاساسەن، ھېساب دەپتىرىدە تۈرلەر بويىچە ئېچىلغان ھېسابات.

ئىسچوتچىك

  • ئىسچوتچىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] توك مىقدارىنى كىلوۋات سائەت بىرلىك بويىچە ھېسابلايدىغان ئەسۋاب.

ئىسراپ

  • ئىسراپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئورۇنسىز زايە قىلىش؛ بىھۇدە ياكى ئارتۇقچە سەرپ قىلىنغان چىقىم-خىراجەت:[مىسال:] ئىسراپ بولماق. ئىسراپ قىلماق.

ئىسراپچىلىق

  • ئىسراپچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز ياكى ئارتۇقچە سەرپ قىلىش، تاشلىۋېتىش، بىھۇدە خار، نابۇت قىلىش، بىكاردىن-بىكار يوق قىلىش، بىكىرىغا كەتكۈزۈش، زايە قىلىش:[مىسال:] ئاشلىق ئىسراپچىلىقى. * ئىسراپچىلىق نەدە پېشانىسى تەرلىمىگەن يەردە (ماقال). * ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئەڭ ئېغىر ئىسراپچىلىق.

ئىسراپخور

  • ئىسراپخور[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېمەك-ئىچمەك، پۇل قاتارلىقلارنى ئورۇنسىز بۇزۇپ-چېچىپ زايە قىلغۇچى؛ ئارتۇقچە سەرپ قىلغۇچى:[مىسال:] ئىسراپخور ئادەم. * ئۇنىڭ نومۇسسىز، پىخسىق ئىكەنلىكى ۋە يەنە چوڭ ئىسراپخور ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسراپ قىلىدىغان ياكى قىلغان كىشى:[مىسال:] سەن ئىسراپخورلاردىن بولما، ھەتتا ئىسراپخورلار بىلەن ھەمسۆھبەتتىمۇ بولما. چۈنكى ئامەت كەلسە بىر سەۋەب بىلەن كېلىدۇ.

ئىسراپخورلۇق

  • ئىسراپخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئىسراپچىلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئىسراپخورلۇق قىلماق. * بىز ھەممىمىز ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرغۇچىلارمىز.

ئىسرىق

  • ئىسرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارچا ياغىچى، ئارچا يوپۇرمىقى، ئادراسمان ياكى شۇلارنىڭ رولىنى ئوينايدىغان، كۆيدۈرسە يېقىملىق، خۇشبۇي ئىس چىقىرىدىغان نەرسىلەر:[مىسال:] ئىسرىق سالماق.

ئىسرىق سالماق

  • ئىسرىق سالماق[يەشمىسى:] ① پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىسرىقدانغا ئېلىپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلماق:[مىسال:] ئانام ئىسرىق سېلىپ ئۆينىڭ سېسىق پۇرىقىنى يوقاتتى.[يەشمىسى:] ② خۇراپىيلىققا ئاساسەن، پۇراقلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ، ئەرۋاھلارغا ياكى بىركىمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىس پۇراتماق:[مىسال:] ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا ئانام دالانغا ئادراسمان بىلەن ئىسرىق سالدى.

ئىسرىقدان

  • ئىسرىقدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچىگە ئىسرىق سېلىپ كۆيدۈرىدىغان مەخسۇس قاچا ياكى شۇنىڭ رولىنى ئوينايدىغان باشقا نەرسە:[مىسال:] ئۇ ئىسرىقداننى توپاقنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ چاتلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ، بىرنېمىلەرنى ئوقۇپ سۈف-سۈفلىدى.

ئىسىرىقلىماق

  • ئىسىرىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىسرىق سالماق، ئىسرىق سېلىپ ئىس پۇراتماق:[مىسال:] باقى بىر سېۋەتكە كونا تاغار، ئىككىنچىسىگە بىرپارچە كىگىز ياپتى-دە، ئېلىپ مېڭىشىغا، ئانىسى بىر سىقىم كېپەك بىلەن ئىسرىقلاپمۇ ئۈلگۈردى.[يەشمىسى:] ② ئىسرىققا تۇتماق:[مىسال:] پاھ، قوللىرىڭ[يەشمىسى:] ىزنى ئىسرىقلاپ تۇرسىڭىز بولغۇدەك.

ئىسسىتقۇ

  • ئىسسىتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىگە كۆڭۈل رىشتىنى باغلاشقا، مېھرىنى چۈشۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارىلىدىغان، قارىلىپ كەلگەن بىرەر ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز ياكى داخاننىڭ سۈپكۆچى قاتارلىقلار:[مىسال:] بۇرۇندىن قالغان «ياخشى سۆز ئىسسىتقۇ، يامان سۆز سوۋۇتقۇ» دېگەن گەپ بار.

ئىسسىتقۇچ

  • ئىسسىتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچىگە ئىسسىق سۇ قاچىلىنىدىغان ئادەم ياكى نەرسىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنىڭ ئومۇمىي نامى.

ئىسسىتما

  • ئىسسىتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① زۇكام ياكى باشقا بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئادەتتىكى چاغدىكىسىدىن يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشى، قىزىتما:[مىسال:] ئىسسىتما ئۆرلىمەك. ئىسسىتمىنى قايتۇرماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاغرىق، چىگىش خىيال:[مىسال:] ئىمتىھان سوئالىنى كۆرۈپلا ئايگۈلنىڭ بېشىغا ئىسسىتما چۈشتى.

ئىسسىتماق

  • ئىسسىتماق[يەشمىسى:] «ئىسسىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇنى ئىسسىتماق. تاماقنى ئىسسىتماق. * ئاتىنىڭ ھورى بالىنىڭ دولىسىنى ئىسسىتماس (ماقال). * ئېشەكنىڭ دۈمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە، قولۇڭنى ئىسسىت (ماقال). * بىر كىشى ياققان ئوت يۈز كىشىنى ئىسسىتار (ماقال). * ئەتكەن ئېشىڭ شۇ بولسا، ئىسسىتقان ئېشىڭ نېمە بولار (ماقال).

ئىسسىتىش

  • ئىسسىتىش[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسىنى سوغۇق كۈنلەردە مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرۇش. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. ئوت ئېلېكتر ئىستانىسىسى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، ھور ماشىنىسىنىڭ ئىش قىلىپ بولغان ھور ياكى گاز تۇرۇربىسى چىقارغان كېرەكسىز گازدىن پايدىلىنىپ ھور ياكى ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىسسىتىشماق

  • ئىسسىتىشماق[يەشمىسى:] «ئىسسىتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار ئوچاققا ئوت قالاپ يوغان قازاندىكى سۇنى ئىسسىتىشتى.

ئىسسىتىلماق

  • ئىسسىتىلماق[يەشمىسى:] «ئىسسىتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قانچە سائەت كۆپ ئىشلىسە، ئۆزلىرىنىڭ ئىشى، دېدى ئايالى ئىسسىتىلغان بىر چىنە ئاشنى ئېرىنىڭ ئالدىغا قويۇۋېتىپ.

ئىسسىز

  • ئىسسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسى يوق ياكى ئاز، ئىسى چىقمايدىغان ياكى كۆپ ئەمەس:[مىسال:] ئىسسىز كۆمۈر. ئىسسىز پوروخ.

ئىسسىق

  • ئىسسىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر مەنبەنىڭ ھارارىتى، تەسىرى بىلەن ئىسسىغان، ئىللىغان ياكى قىزىغان؛ ئىللىق، قىزىق:[مىسال:] ئىسسىق سۇ. ئىسسىق چاي. ئىسسىق نان. ئىسسىق تاماق. * ئادەمنىڭ يۈزى ئاپتاپتىن ئىسسىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسسىقلىقنى ساقلايدىغان، ئىسسىق تۇتىدىغان:[مىسال:] ئىسسىق كىيىم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسسىق تۇرغان، ئىسسىقى كەتمىگەن:[مىسال:] مەن پۈتۈن بىر كۈن ئىسسىق ئىچمىدىم، ئاغزىمغا بىر بۇردا نان سالمىدىم.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىم تەركىبىدىكى مولېكۇلىلار ھەرىكىتى (يېنىش، خىمىيىۋى رېئاكسىيە ۋە شۇنىڭدەكلەر) نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدىغان ۋە جىسىملارنى ئىسسىتىدىغان، قىزدۇرىدىغان ئېنېرگىيە، ئىسسىقلىق، ھارارەت:[مىسال:] ئوتنىڭ ئىسسىقى. قۇياشنىڭ ئىسسىقى. ماتورنىڭ ئىسسىقى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىللىق ئۆتكۈزۈپ، ئىللىق ئۆتكۈزگەن ھالدا:[مىسال:] ئاپىرىپ ئىسسىق ياتقۇزۇپ قويۇڭلار، بىرئاز ئاۋارە بولىدۇ، يىغلايدۇ، ئاندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ، دېدى دوختۇر.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ھارارەت ھاسىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، مۆتىدىلدىن يۇقىرى بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە:[مىسال:] بۇ دورىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قىزغىن، سەمىمىي ھالدا:[مىسال:] ئۇ ئىلىكنىڭ ئۆيىگە كېلىپ تۇرىدۇ، ئىلىك ئۇنى ئىسسىق قارشى ئالىدۇ، ئەمدى يامانلارغا ئالدانماسلىقنى جېكىلەيدۇ.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە ياقىدىغان، خۇش، يېقىملىق، ئىللىق؛ مۇلايىم:[مىسال:] ئىسسىق چىراي قىز. مېھرى ئىسسىق بالا... ئىسسىق كۆرۈنمەك.

ئىسسق بەلۋاغ

  • ئىسسق بەلۋاغ[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] جەنۇبىي، شىمالىي تروپىك سىزىقى ئارىلىقىدىكى بەلۋاغ، بۇ يەرلەردە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىق ئۆزگىرىشى روشەن بولمايدۇ. چېڭقى چۈش ۋاقتىدا قۇياش يىل بويى ناھايىتى ئېگىز بولىدۇ. بۇ جايلاردا يەر شارى بويىچە ئەڭ ئىسسىق جاي ھېسابلىنىدۇ.

ئىسسىق ئۆتمەك

  • ئىسسىق ئۆتمەك[يەشمىسى:] ① ئىسسىغانلىقىنى ھېس قىلماق، ئىسسىماق:[مىسال:] نېمىشقىدۇر دۇرنەمگە ئىسسىق ئۆتكەندەك ئەمەس ئىدى.[يەشمىسى:] ② ھەددىدىن زىيادە، ئىسسىقتا يۈرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئىسسىق چېقىۋەتمەك، ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى تۈپەيلى كەيپىياتىدا بىر قىسمىلىق ھېس قىلماق:[مىسال:] ئۇ ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ سېغىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولماق، مۇھەببەت ئورنىماق:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا كېچىسى ئايدىڭدا ناخشا ئېيتىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بىر-بىرىگە يەتكۈزۈش ئادىتى بار ئىدى. يېڭىچە ئېيتقاندا «مۇھەببەت»، كونىچە ئېيتقاندا «ئۆزئارا ئىسسىق ئۆتۈپ قاپتۇ» دېگىنىمىز شۇ بولسا كېرەك.

ئىسسىق يەللىك قىلماق

  • ئىسسىق يەللىك قىلماق[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئۇنتۇلغىلى تۇرغان ئاداۋىتىنى، ئۆچلۈكىنى قايتىدىن قوزغىماق، ئۇيغاتماق؛ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماق.

ئىسسىقچان

  • ئىسسىقچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەبىئىتى ئىسسىق، تەبىئىتىنىڭ ئىسسىقلىقى ئارتۇق ياكى تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل:[مىسال:] ئىسسىقچان ئادەم.

ئىسسىق-سوغۇق

  • ئىسسىق-سوغۇق[يەشمىسى:] ① ئىسسىق ۋە سوغۇق. [يەشمىسى:] ② تۇرمۇشنىڭ ئېغىر-يېنىك، ياخشى-يامان كۈنلىرى، تۇرمۇشنىڭ قىيىن كۈنلىرىنى ئۆز ئىچگە ئالغان بىر پۈتۈن جەريان:[مىسال:] ئۇ يەنە بىر تالاي ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن كەچۈردى.

ئىسسىقلىق

  • ئىسسىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىززىقلىق، ئىسسىق ھالەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مولېكۇلىلارنىڭ تەرتىپسىز ھەرىكىتى چىقارغان بىر خىل ئېنېرگىيە. ماددىلار كۆيگەندە ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىسسىقلىق ئىلمى، ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ قىسقارتىلغان نامى ئورنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ۋە تۇغۇت قاتارلىق ئىشلىرىدا تەييارلىنىدىغان يۇقىرى كالورىيىلىك ئوزۇقلۇق، تائام:[مىسال:] ئىسسىقلىق ئېلىپ بارماق. ئىسسىقلىق يەتكۈزمەك.[يەشمىسى:] ④ مىللىي تېبابەتتە كىشىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتكەندە مىجەزنى تەڭشەش ئۈچۈن قىلىنىدىغان تۈرلۈك دورا-دەرمەكلەر:[مىسال:] ئىسسىقلىق قىلماق.⑤ [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل تېرە كېسىلى. بۇنىڭدا، ياز كۈنلىرى تېرىگە قىزىل ياكى ئاق رەڭدىكى ئۇششاق قاپارتمىلار ئۆرلەيدۇ. ناھايىتى تاتلىق قىچىشىدۇ. كۆپىنچە تەر كۆپ چىققان، تېرە پاكىز بولماي، تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى سەۋەبلىك پەيدا بولىدۇ.

ئىسسىقلىق قىلماق

  • ئىسسىقلىق قىلماق[يەشمىسى:] بەدەننىڭ تەبىئىتىنى ئىسسىققا ئۆرۈش، ئىسسىققا مايىل قىلىش ئۈچۈن بىرەر سەۋەب قىلماق ياكى دورا يېمەك، يېگۈزمەك، ئوزۇقلاندۇرماق:[مىسال:] بالىغا ئىسسىقلىق قىلىش ئۈچۈن ياڭاق يېگۈزىدۇ. * سوغۇقىڭىز ئېشىپ كېتىپتۇ، ئىسسىقلىق قىلىڭ.

ئىسسىقىدا

  • ئىسسىقىدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ دەل بولىدىغان، بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ۋاقتىدا، پەيتىدە:[مىسال:] يۈر ئۇكا، بۇ شەھەردىن ئىسسىقىدا كېتىۋالايلى.

ئىسسىماق

  • ئىسسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن يۇقىرى بولماق، ھارارىتى ئاشماق، ئىللىماق، قىزىماق:[مىسال:] ھاۋا ئىسسىماق. كۈن ئىسسىماق.[يەشمىسى:] ② ئىللىق ئۆتمەك، ئىللىقلىق ھېس قىلماق، ئىسسىق تۇيۇلماق:[مىسال:] پۇتى ئىسسىماق. بەدىنى ئىسسىماق.

ئىسسىندۇرماق

  • ئىسسىندۇرماق[يەشمىسى:] «ئىسسىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىسى:[مىسال:] بەزىلىرى ئۇنى ئۆيىگە ئەكىرىپ ئىسسىندۇرماقچى ۋە بەزىلىرى بولسا بىر چىنە ئىسسىق چاي بەرمەكچى بولاتتى.

ئىسسىنماق

  • ئىسسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىسسىق چىقىرىدىغان بىرەر نەرسىگە ئۆزىنى تۇتۇپ ئىللىتماق ياكى ئىسسىق تۇتىدىغان بىرنەرسىنى كىيىپ ئۆزىنى ساقلىماق؛ ئۆزىگە ئىسسىق ئۆتكۈزمەك، ئۆزىنى ئىللىقلىق، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىن ئەتمەك:[مىسال:] ئۇلار كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئوت يېقىپ ئىسسىنماقچى بولۇشتى.

ئىسسىنىشماق

  • ئىسسىنىشماق[يەشمىسى:] «ئىسسىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئايۋاندا ئون بەشكە يېقىن قوراللىق ئەسكەرلەر كۆتەكلەردىن گۈلخان يېقىپ ئىسسىنىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.

ئىسقات

  • ئىسقات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① قىلغان گۇناھنى يۇيۇش ياكى بالا-قازانى كەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش نىيىتىدە ئاجرىتىلغان پۇل، نەرسە.[يەشمىسى:] ② دىنىي چۈشەنچىدە ئۆلگەن كىشىنى ئۇ ئالەمدە تارتىدىغان ئازابتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان سەدىقە، نەرسە:[مىسال:] ئىسقات بەرمەك.

ئىسقاتچى

  • ئىسقاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسقات ئۈچۈن بېرىلگەن سەدىقىنى ئالىدىغان كىشى.

ئىسقىرتقا

  • ئىسقىرتقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنى تەخمىنەن 02cm ئۇزۇنلۇقتا، پەيلىرىنىڭ كۆپ قىسمى كۈل رەڭگە مايىل قىزىل، قانىتىنىڭ ئارقا تەرىپى يېڭى ئەتىرگۈل رەڭگىدە كېلىدۇ. توپلىشىپ ئۇۋا سالىدۇ. ئاساسەن چېتىن، گۈلچىمەن قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسى ۋە قارا ئارچىنىڭ مېۋىسىنى ئوزۇق قىلىدۇ.

ئىسقىرتما

  • ئىسقىرتما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەپتەرنىڭ قۇيرۇقىغا چىگىپ قويۇلىدىغان، ھاۋادا ئۇچقاندا شامالنىڭ تەسىرىدە پۈۋلىنىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان قوڭغۇراق.

ئىسقىرتماق

  • ئىسقىرتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېغىزىدا ياكى بىرەر نەرسە بىلەن ئىسقىرىق چىقارماق، پەيدا قىلماق:[مىسال:] ئۇ ماڭا قاراپ قاتتىق بىر ئىسقىرتىپ قويدى-دە، ئۇكىسىغا قاراپ كۆزىنى قىستى.

ئىسقىرتىشماق

  • ئىسقىرتىشماق[يەشمىسى:] «ئىسقىرتماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىسقىرىق

  • ئىسقىرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسقىرتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ئىسكادرون

  • ئىسكادرون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بىرنەچچە پەيدىن تەشكىل تاپقان ئاتلىق ئەسكەرلەر ليەنى.

ئىسكارلاتىنا

  • ئىسكارلاتىنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] كۇمۇتا ئارقىلىق تارقىلىدىغان بىر خىل پارازىت كېسەللىكى. ئۇنى قارا بەزگەك قۇرتى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدا قىزىتىش، بۇرۇن ۋە چىش قاناش، جىگەر ھەم تال ئىششىش، كەم قانلىق ۋە ئاق قان دانىچىلىرى ئازلاپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئىسكارىن

  • ئىسكارىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>شۋېد[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاساسلىقى ئوتتۇرا كىسلاتالىق بۆسمە جىنس بىلەن كاربوناتلىق جىنس (ھاك تاش، دولومىت قاتارلىق) ياكى ئوتتۇرا ئاساسلىق يانار تاغ جىنسلىرىنىڭ تېگىشىدىغان يېرى ئىسسىق تېگىشىپ ئۆزگىرىش ئاساسىدا ۋە يۇقىرى ھارارەتتە گازلاشقان ئىسسىق سۇيۇقلۇق تەسىرىدە تېگىشىپ ئالمىشىشتىن ھاسىل بولغان ئۆزگەرگەن جىنس.

ئىسكەت

  • ئىسكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنىڭ تەقى-تۇرقى، قامەت؛ فىگورا:[مىسال:] ئىسكەتى كېلىشكەن يىگىت.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ تۈزۈلۈش قۇرۇلمىسى، ھالىتى؛ فورما، نۇسخا:[مىسال:] ئىسكەتى چىرايلىق ئۆتۈك.

ئىسكەتسىز

  • ئىسكەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسكەتى يوق، تەقى-تۇرقى، چىراي-شەكلى كۆرۈمسىز؛ سەت:[مىسال:] ئىسكەتسىز ئايال.

ئىسكەتلەتمەك

  • ئىسكەتلەتمەك[يەشمىسى:] «ئىسكەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىسكەتلەشمەك

  • ئىسكەتلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىسكەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىسكەتلەنمەك

  • ئىسكەتلەنمەك[يەشمىسى:] «ئىسكەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىسكەتلىك

  • ئىسكەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسكەتى بار، كۆرۈنۈشى، تەقى-تۇرقى جايىدا، چىرايلىق، كېلىشكەن:[مىسال:] ئىسكەتلىك ئادەم. ئىسكەتلىك يىگىت.

ئىسكەتلىمەك

  • ئىسكەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دوپپىنى قوندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن شېكەر سۈيى بىلەن ھاۋا بېرىپ، پرېسقا بېسىپ باشقا كىيگۈدەك ھالەتكە كەلتۈرمەك؛ پەرداز بەرمەك.

ئىسكەنجە

  • ئىسكەنجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنى سىقىدىغان، قىسىدىغان ئەسۋاب؛ پرېس:[مىسال:] يۇڭنى ئىسكەنجە بىلەن تايلىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىسىش، قىيناش؛ قىيىن-قىستاق؛ رېجىم؛ قورشاۋ:[مىسال:] ئىسكەنجىگە ئالماق. ئىسكەنجىدە قالماق.

ئىسكەنجىلىمەك

  • ئىسكەنجىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر قىسقۇچ، ئومۇمەن بىرەر ۋاسىتە بىلەن قىسماق، قىسىپ تۇرماق.[يەشمىسى:] ② ئىسكەنجىگە ئالماق، ئىسكەنجە ئىچىدە تۇتماق، تىزگىنلىمەك:[مىسال:] ئادەم ھامان ئۆزىنى ئىسكەنجىلەپ، ئۆزىنىڭ بىرەر تۇيغۇسىنىڭ ئەركىنلىك بىلەن ئاشكارىلىنىشىغا يول قويمايدۇ.

ئىسكەنجىۋىل

  • ئىسكەنجىۋىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۈزۈم شىرنىسىگە ئاق شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام قىلىش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بىر خىل ئىچىملىك. ئۇ ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

ئىسكۇدو

  • ئىسكۇدو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پورتۇگالىيىنىڭ پۇل بىرلىكى.

ئىسكىپىدار

  • ئىسكىپىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] دېۋىرقاينى دىستىلەش ئارقىلىق ئېلىنىدىغان ئۇچۇشچان ماي. رەڭسىز ياكى توق قوڭۇر بولۇپ، ئالاھىدە پۇراققا ئىگە. سىرچىلىق سانائىتىدە خام ئەشيا قىلىنىشتىن سىرت، دورىگەرلىكتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئىسكىرىپكا

  • ئىسكىرىپكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] كامانچە بىلەن چېلىنىدىغان تۆت تارلىق چالغۇ ئەسۋابى:[مىسال:] ئىسكىرىپكا چالماق. ئىسكىرىپكا ئاۋازى.

ئىسكىرىپكىچى

  • ئىسكىرىپكىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسكىرىپكا چالىدىغان كىشى، ئىسكىرىپكا چالغۇچى سازاندە:[مىسال:] ئادىل سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ئۇ يەنىلا سەھنىگە چىقىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىسكىرىپكىچىمىز.

ئىسكىلات

  • ئىسكىلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئاشلىق ياكى زور مىقداردىكى ماددىي ئەشيالار ساقلىنىدىغان ئۆي، ئامبار.

ئىسكىلاتچى

  • ئىسكىلاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسكىلاتقا قارىغۇچى، مەسئۇل بولغۇچى ئادەم.

ئىسكىلاتچىلىق

  • ئىسكىلاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسكىلاتقا قاراش، مەسئۇل بولۇش، باشقۇرۇش ئىشلىرى.

ئىسكىلاتلاشتۇرماق

  • ئىسكىلاتلاشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىسكىلاتلارغا كىرگۈزۈپ جايلاشتۇرماق:[مىسال:] كۈندىلىك سوقۇلغان بۇغداي شۇ كېچىسى سورۇلۇپ-تازىلىنىپ، ئىسكىلاتلاشتۇرۇۋېتىلمىسە بولمايتتى.

ئىسكىلاتلاشتۇرۇلماق

  • ئىسكىلاتلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئىسكىلاتلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىسكىلاچ

  • ئىسكىلاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئىسكىلاچ مەسە»گە قاراڭ.

ئىسكىلاچ مەسە

  • ئىسكىلاچ مەسە[يەشمىسى:] كەشى بىلەن قوشۇپ تىكىلىدىغان دەستىكى ئېگىزرەك بىر خىل مەسە:[مىسال:] ئۇنىڭ پۇتىدىكى ئىسكىلاچ مەسە ماڭغاندا، «غاچ-غاچ» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ تۇراتتى.

ئىسكىلىت

  • ئىسكىلىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەدەننى تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان سۆڭەكلەر جاھازىسى. نۇرغۇنلىغان پارچە سۆڭەك ۋە كۆمۈرچەكلەردىن تەشكىل تاپقان.

ئىسكىمەك

  • ئىسكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھىدىنى، پۇرىقىنى بۇرنىغا تارتماق، ھىدلىماق:[مىسال:] كىم بىلىدۇ، شامال ئىستەپ يۈرەمدۇ ياكى ئەجەل سېنى ئىسكەپ كېلەمدۇ

ئىسكىنە

  • ئىسكىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ياغاچنى ئويۇش، تېشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئۇچى ياپىلاق ھەم ئۆتكۈر پولات ئەسۋاب.

ئىسكەندە

  • ئىسكەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] مىللىي تېبابەتچىلىكتە دورا ئورنىدا ئىشلتىلىدىغان بىر خىل يىلتىز. رەڭگى ئاق سېرىققا مايىل، تەمى بىر ئاز ئاچچىق. ئەڭ ياخشىسى ناگۇردىن چىقىدۇ. تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، يۆتەل، نەپەس سىقىلىش، ئەزالاردىكى ئىششىق، بەرەس كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىش، بەدەننى، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.

ئىسلاتماق

  • ئىسلاتماق[يەشمىسى:] «ئىسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىسلاشماق

  • ئىسلاشماق[يەشمىسى:] ① «ئىسلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ئۇلارنىڭ قېزىنى ئىسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدىم.[يەشمىسى:] ② ئىس سىڭىپ، يۇقۇپ قارايماق ياكى ئىس قاپلىماق، ئىس بىر ئالماق:[مىسال:] ئۆينىڭ تام-تورۇسلىرى قاپقارا ئىسلاشقانىدى.[يەشمىسى:] ③ ئىسقا پۈركەنمەك، ئىس سۈمۈرمەك:[مىسال:] ھەر دائىم قارا چىراغ ئاستىدا ئىسلىشىپ ئولتۇرۇش بىزگە مىراسمىدى

ئىسلام

  • ئىسلام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىسلام دىنىغا كىرىش، مۇسۇلمان بولۇش، مۇسۇلمانچىلىق:[مىسال:] مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىسلام دىنى. ئىسلام ئەقىدىسى. ئىسلام دىنىغا كىرمەك.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئىسلام دىنى

  • ئىسلام دىنى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلاردىن بىرى. يەنى ئاخىرقى پەمغەمبەر مۇھەممەد تەرىپىدىن مىلادىيە Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بەرپا قىلىنغان دىن. ئۇ بىر ئىلاھقا ئىشىنىدىغان ئاخىرقى دىن بولۇپ، مۇھەممەدتىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بۇ دىننىڭ ئېتىقاد، ھۆكۈملىرىنى ھەر زامان، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن بىر شەكىلگە كەلتۈردى ۋە بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەجبۇرىيەت قىلىپ بەردى دەپ قارايدۇ. بۇ دىن ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىدا كەڭ ئەۋج ئالغان بولۇپ، X ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغان.

ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق ھۆكۈملىرى

  • ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق ھۆكۈملىرى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ئۈچ تارمىقىنىڭ ئۈچىنچىسى. مۇھەممەد پەيغەمبەر: «مەن پەقەت ئەخلاقىي ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم»، «ئىسلامىيەت گۈزەل ئەخلاقتۇر» دېگەن. ئايەت ۋە ھەدىسلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەخلاق ھۆكۈملىرى مۇسۇلمانلارغا (1) ئىنساننىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە قارىتا ۋەزىپىلىرى؛ (2) ئىنساننىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە قارىتا ۋەزىپىلىرى؛ (3) ئىنساننىڭ ئائىلىسىگە قارىتا ۋەزىپىلىرى؛ (4) ئىنساننىڭ ۋەتەن، مىللەتكە قارىتا ۋەزىپىلىرى؛ (5) ئىنساننىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتا ۋەزىپىلىرىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتىنى بۇيرۇدى. بۇ ھۆكۈملەرنىڭ يىغىندىسى ئىسلامىيەتتە «شەرىئەت» ۋە «شەرئى ھۆكۈملەر» دېيىلىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈملىرى

  • ئىسلام دىنىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈملىرى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ئۈچ تارمىقىنىڭ ئىككىنچىسى. «ئىبادەت» سۆزى بىلەن يەكۈنلىنىدۇ. «ئىبادەت» ئىسلامنىڭ (1) «كەلىمەئى شاھادەت» نى ئېيتىش. (2) ناماز ئوقۇش. (3) زاكات بېرىش، (4) روزا تۇتۇش، (5) ھەج قىلىشتىن ئىبارەت بەش شەرتنى ئورۇنلاشنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ ئېتقاد ھۆكۈملىرى

  • ئىسلام دىنىنىڭ ئېتقاد ھۆكۈملىرى[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام ھۆكۈملىرىنىڭ ئۈچ تارمىقىنىڭ بىرىنچىسى. «ئىمان» سۆزىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىمان «كەلىمەئى تەۋھىد» كە مەركەزلەشكەن. ھەدىستىن قارىغاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد ھۆكۈملىرى: (1) ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ روسۇلىغا؛ (2) ئاللاھنىڭ مالائىكلىرىگە؛ (3) ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا؛ (4) ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە؛ (5) ئاخىرەت كۈنىگە؛ (6) قەدەرگە (ياخشىلىق يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تىلىكى، تەقدىرى ۋە يارىتىشى ئىكەنلىكىگە) چىن قەلبى بىلەن ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئالتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسلام كالېندارى

  • ئىسلام كالېندارى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] «ھىجرىيە»گە قاراڭ.

ئىسلام يىلنامىسى

  • ئىسلام يىلنامىسى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] «ھىجرىيە»گە قاراڭ.

ئىسلامشۇناس

  • ئىسلامشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچى؛ ئىسلام دىنى مۇتەخەسسىسى.

ئىسلامشۇناسلىق

  • ئىسلامشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسلام دىنى ھەققىدىكى ئىلىم:[مىسال:] ئىسلامشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانماق.

ئىسلاملاشماق

  • ئىسلاملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىغا كىرمەك، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماق، مۇسۇلمان بولماق:[مىسال:] شىنجاڭ رايونىدا ئالدى بىلەن قەشقەر قاتارلىق جايلار ئىسلاملاشقانىدى.

ئىسلامىيەت

  • ئىسلامىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام دۇنياسى ياكى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام ئالىمى:[مىسال:] يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاتىغانلىقى بۇ ئوقۇمنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىسلاند

  • ئىسلاند[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] شىمالىي مۇز ئارىلىدا ياشىغۇچى بىر مىللەتنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] ئىسلاند تىلى.

ئىسلانماق

  • ئىسلانماق[يەشمىسى:] «ئىسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىقلاس بۈۋىلەرنىڭ ئۆيى پاكار، تورۇسى ئىسلانغان بولغىنى بىلەن كۆڭۈللۈك ئىدى.

ئىسلاھ

  • ئىسلاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تۈزىتىش، تۈزىتىپ ياخشىلاش، ئەسلىدىكىسى ئاساسىدا تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش:[مىسال:] ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب ئېلىپبەسى. * ئوركېستىر مۇزىكىلىرىنىڭ ئورۇنلاش سەنئىتىدە ئۇيغۇر مىللىي چالغۇلىرىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىسلاھات

  • ئىسلاھات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆزگەرتىش؛ ئىسلاھ، يېڭىلاش:[مىسال:] يەر ئىسلاھاتى. جەمئىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى. مائارىپ ئىسلاھاتى. ئىسلاھات ئېلىپ بارماق. ئىسلاھات قىلماق.

ئىسلاھاتچى

  • ئىسلاھاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسلاھات تەرەپدارى؛ يېڭىلىققا ئىلغارلىققا كۆچۈش ۋە ئۇنى يارىتىش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچى ئادەم، ئىسلاھ قىلغۇچى كىشى:[مىسال:] تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنقىلابچى بولۇپلا قالماي، ئىسلاھاتچىمۇ بولۇش كېرەك.

ئىسلاھاتچىلىق

  • ئىسلاھاتچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] مۇۋاپىق بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تۈپتىن ئاغدۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، پەقەت ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئاساسىدا ئاز-تولا ياخشىلىنىش بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىدىيە.

ئىسلىق

  • ئىسلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسى بار، ئىسى چىقىدىغان ياكى ئىسى كۆپ:[مىسال:] ئىسلىق كۆمۈر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسلانغان، ئىسلىنىپ قارايغان:[مىسال:] ئىسلىق تام. * ئىسلىق ئۆيۈم-ئىسسىق ئۆيۈم (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن ئىسرىقدان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىچىگە ئىسرىققا ئوخشاش نەرسىلەرنى سېلىپ كۆيدۈرىدىغان نەرسە:[مىسال:] مېڭىش ئالدىدا موماي يەنە بىر دانە ئىسلىقنى قىزىغا بېرىپتۇ-دە، ئۇنىڭغا:[مىسال:] كەچ كىرگەن چاغدا مۇشۇ ئىسلىق ئارقىلىق بوغچا ئىچىدىكى نەرسىلەرگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ بىر-بىرلەپ كۆيدۈرۈۋەت، دەپتۇ.

ئىسلىق بىللور

  • ئىسلىق بىللور[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىسى بار خروستال، رەڭگى قېنىق كۈل رەڭ؛ قوڭۇر، قارا رەڭلىكلىرىنى تەركىبىدىكى كاربون پەيدا قىلىدۇ. قارا رەڭگىنىڭ قېنىق، سۇس بولۇشىنى كاربوننىڭ ئاز-كۆپلۈكى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈنلەي قارا بولغانلىرى «قارا بىللور» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىسلىق يېشىل

  • ئىسلىق يېشىل[يەشمىسى:] قارىراق ياكى قارىغا مايىل يېشىل.

ئىسلىما

  • ئىسلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان، ئىسلانغان:[مىسال:] ئىسلىما نەقىش.

ئىسلىماق

  • ئىسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىسقا تۇتماق، ئىسقا تۇتۇپ قارايتماق، ئىسلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۆينى ئىسلىماق.

ئىسمائىلىيە

  • ئىسمائىلىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن <[يەشمىسى:] شىئە مەزھىپىنىڭ بىر تارمىقى. بۇ تارماق مەزھەپنىڭ باشلىقى ئاغاخان. بۇ مەزھەپكە ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىرقانچە مىليونغا يېتىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ھىندىستاننىڭ بومباي رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئىسمائىلتاپ

  • ئىسمائىلتاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] موزدۇزلۇقتا يىپنى ئىلىپ قويۇپ ئىشلىتىدىغان ئىلمەك تۆمۈر.

ئىسمېنا

  • ئىسمېنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① ئورۇن ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان، ئوقۇيدىغان، دەم ئالىدىغان كىشىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا گۇرۇپپا بىلەن ئالماشقانغا قەدەر داۋاملىشىدىغان ۋاقىت بۆلىكى:[مىسال:] ئىسمېنا ئالماشماق. كەچلىك ئىسمېنىدا ئىشلىمەك.[يەشمىسى:] ② شۇ ۋاقىت داۋامىدا بىرگە ئىشلەپ، بىرگە دەم ئالىدىغان كىشىلەر گۇرۇپپىسى:[مىسال:] ئۇلار سېخلارنى ئارىلاپ قايتىپ كېلىۋىتىپ، ئادىل ئىشلەيدىغان بۆلۈمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئىسمېنىسىدىكىلەرمۇ ئىشتىن چۈشتى.

ئىسمىئەزەم

  • ئىسمىئەزەم[قۇرۇلمىسى:]]ئىسىم+ى+ئەزەم[[يەشمىسى:] رىۋايەت، چۆچەكلەردە «ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىسمى» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] يولدا بىر كەڭرى بىپايان دەريا ئۇچراپتۇ. ھاسىنى قولىغا ئېلىپ ئىسمىئەزەمنى ئوقۇپ دەرياغا كىرگەنىكەن، ھاسا كۆۋرۈك بولۇپ بېرىپتۇ.

ئىسمى-جىسمى

  • ئىسمى-جىسمى[يەشمىسى:] ئىسمى ۋە جىسمى:[مىسال:] ئىسمى-جىسمىغا لايىق.

ئىسمىزات

  • ئىسمىزات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىسىم+ى+زات[[يەشمىسى:] ئىسىم ۋە كېلىپ چىقىش مەنبەسى:[مىسال:] - ھەي قارا باتۇر، سېنىڭ ئىسمىزاتىڭ كىم نەلىك سەن - دەپ سورىدى يىگىت ئۇنى چاقىرىپ.

ئىسمىشەرىپ

  • ئىسمىشەرىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىسىم+ى+شەرىپ[[يەشمىسى:] ئەزىز ھەم شەرەپلىك ئىسىم، شەرەپلىك ۋە مۇقەددەس ئىسىم:[مىسال:] ئىسمىشەرىپلىرى كىم بولىدىكىن * ئىمام ئۆزىچە ئىلتىپات قىلىپ:[مىسال:] ئىسمىشەرىپلىرى كىم قەيەردىن كەلدىلە دېگەن بولسىمۇ، بوۋاي جاۋاب بەرمەي جىم ئولتۇردى.

ئىسمېنىلىق

  • ئىسمېنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسمېنىلىرى بولغان، ئىسمېنىلارغا بۆلۈنگەن:[مىسال:] ئۈچ ئىسمېنىلىق سېخ.*قەشقەر پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تۆت ئىسمېنىلىق ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

ئىسنا

  • ئىسنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۇسسۇل.

ئىسىت

  • ئىسىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى نەرسىگە قارىتا قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى، پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىسىت، سىز بىلەن ئۆتكەن ئۆمرۈم، ئىسىت سىزگە قىلغان ئەقىدەم زەينەپ ئەسەبىيلەشكەن ھالدا ۋارقىرىدى.

ئىسىم

  • ئىسىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەرگە قويۇلغان شەخسىي نام، ئات:[مىسال:] ئىسىم قويماق. * ئالدىرىغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ (ماقال). [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ كېلىپ، «كىم»، «نېمە»، «قەيەر» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلەلەيدىغان سۆز ۋە شۇنداق سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆز تۈركۈمى.

ئىسىمداش

  • ئىسىمداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىسمى ئوخشاش، ئوخشاش ئىسىمدىكى ئىسىمداش كىشىلەر:[مىسال:] مەن ئۇنىڭ بىلەن ئىسىمداش. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پېئىلنىڭ تۈرلىنىش ئارقىلىق ئىسىم ئىقتىدارىغا ئېرىشىپ، ھەرىكەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان، جۈملىدە ئىسىمغا ئوخشاش قوللىنىلىدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىسىنىڭ بىرى. ئۇ، ھەرىكەتنى شەيئى سۈپىتىدە ئىپايدىلەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىمداشلارنىڭ «-ش» لىق ئىسىمداش، «-ماق» لىق ئىسىمداش، «-غۇ» لۇق ئىسىمداش، پۈتكەن ھاللىق ئىسىمداش، ئىزچىل ھاللىق ئىسىمداش، پۈتمىگەن ھاللىق ئىسىمداش، سۇبيېكت ئىسىمداش دېگەن تۈرلىرى بار.

ئىسىمسىز

  • ئىسىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسمى يوق، ئىسمى قويۇلمىغان، نامسىز.

ئىسىمشۇناس

  • ئىسىمشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس ئىسىم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچى.

ئىسىمشۇناسلىق

  • ئىسىمشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس ئىسىم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر كىشى ئىسىمشۇناسلىقى تەتقىقاتىمۇ يېڭى يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشتى.

ئىسىم-فامىلە

  • ئىسىم-فامىلە[يەشمىسى:] ئىسىم ۋە فامىلە:[مىسال:] بىز شۇ قىزنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى، قەيەرلىكلىكىنى بىلمەيۋاتىمىز.

ئىسىملاشماق

  • ئىسىملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ ئەسلىي سۆز تۈركۈمىگە خاس خۇسۇسىيىتىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىپ، ئىسىمغا ئۆزگەرمەك، ئىسىم ئورنىدا قوللىنىلماق، ئىسىملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولماق:[مىسال:] بەزى ئىملىق سۆزلەر ئىسىملىشىپ، ئىسىم رولىدا قوللىنىلىشى مۇمكىن.

ئىسىملەنمەك

  • ئىسىملەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىسىم بىلەن ئاتالماق، ئىسىم قويۇلماق:[مىسال:] مۇشۇ خىل كىشى ئىسىملىرى ئىسىملەنگۈچىگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

ئىسىملىك

  • ئىسىملىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسمى بار؛ شۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىلىدىغان، شۇنداق دەپ ئاتىلىدىغان:[مىسال:] لەيلىگۈلنىڭ دادىسى بايىز كۆپ ئىسىملىك ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشى ئىسىملىرى تىزىملانغان قەغەز ياكى دەپتەر؛ تىزىملىك، ئىسىمنامە:[مىسال:] ئىسىملىكتىن چىقىرىۋەتمەك. ئىسىملىكتىن ئۆچۈرۈۋەتمەك.

ئىسيان

  • ئىسيان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] سىنىپىي، مىللىي، ھوقۇقىي مەنپەئەتلەرنى ھىمايە قىلىپ كۆتۈرۈلىدىغان قوزغىلاڭ:[مىسال:] ئىسيان كۆتۈرمەك. ئىسياننى باستۇرماق.

ئىسيانچى

  • ئىسيانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسيان كۆتۈرگۈچى، ئىسيانكار:[مىسال:] ھېلىقى ئالتە ئىسيانچى بىلەن سالۋار تۇماقلىق نەرسە پايپاسلاپ قۇدرەتنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشتى.

ئىسيانچىلىق

  • ئىسيانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسيان كۆتۈرۈش ئىش-ھەرىكىتى:[مىسال:] ئۇلار فۇجژلارغا ئەگىشىپ ئىسيانچىلىق بىلەن باش كۆتۈرگەنىكەن.

ئىسيانكار

  • ئىسيانكار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسيان كۆتۈرگۈچى ئادەم، ئىسيانچى:[مىسال:] ئىسيانكارلار جانلىنىپ، خۇشاللىق تەنتەنىلىرى قىلىشتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسيان كۆتۈرۈشكە جۈرئەتلىك، ئىسيان كۆتۈرۈش روھىغا ئىگە:[مىسال:] ئىسيانكار خەلق. ئىسيانكار ھايات.

ئىسيانكارانە

  • ئىسيانكارانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىسيانكارلىق بىلەن، ئىسيانكارلارغا خاس ھالدا، ئىسيانكارلارغا خاس روھ بىلەن.

ئىسيانكارلىق

  • ئىسيانكارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسيانكارلارغا خاس، ئىسيانكارلاردا بولىدىغان:[مىسال:] بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىسيانكارلىق روھ سىڭدۈرۈلگەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسيانكارلاردا بولىدىغان ۋە ئۇلارغا خاس كۈچ، ئىدىيە، نارازىلىق قاتارلىقلار:[مىسال:] بادامخان ۋە قىزلار ئىسيانكارلىق بىلەن مىرزا ئېلى تەرەپكە سىلجىيدۇ، مىرزا ئېلى ئولتۇرغان جايىدا ئارقىسىغا داجىيدۇ.

ئىسيانلىق

  • ئىسيانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىسيان كۆتۈرۈلگەن، ئىسيان بولغان:[مىسال:] ئۇلۇغ يەر، ئۇلۇغۋار كىشىلەر ئاڭا، ئۆگەتتى پەن-بىلىم قايتا تولۇقلاپ. تولدۇرۇپ ئىسيانلىق كۈنلەر ئورنىنى، چىدامدا قازدى تاغ، ئېلىپ بۇرغىنى، مەرىپەت شەربىتى ئاقتى بۇلدۇقلاپ.

ئىش

  • ئىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى يارىتىش مۇددىئاسىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەت، ئىجادىي ئەمگەك، مېھنەت ياكى مەشغۇلات، خىزمەت:[مىسال:] ئەمەلىي ئىش. ئىلمىي ئىش. ئۆي ئىشى. ئىش كۈنى. ئىش ھەققى. ئىشتىن قالماق. * گەپنى ئاز سۆزلە، ئىشنى كۆپ كۆزلە (ماقال). * ئىش ئادەمگە باغلىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② تاپشۇرۇق، ۋەزىپە:[مىسال:] ئىشقا بۇيرۇماق.[يەشمىسى:] ③ مېھنەت نەتىجىسىدە يارىتىلغان نەرسە، مەھسۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] ئىش ئەۋرىشكىسى.[يەشمىسى:] ④ پائالىيەت، مېھنەت، مەشغۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ساھەسى؛ كەسىپ، ھۈنەر:[مىسال:] سۇچىلىق ئىشلىرى. مىللىي ئىشلار.[يەشمىسى:] ⑤ پائالىيەت، مېھنەت، مەشغۇلات ئوبيېكتى:[مىسال:] ئىش تەقسىماتى. ئىش تەقسىم قىلماق.[يەشمىسى:] ⑥ زۆرۈرىيەت، ئېھتىياج:[مىسال:] ئۇنىڭدا مۇھىم بىر ئىشىم بار.[يەشمىسى:] ⑦ مۇناسىۋەت ياكى مەسئۇلىيەت:[مىسال:] مېنىڭ كىملىكىم بىلەن سىزنىڭ ئىشىڭىز بولمىسۇن، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ⑧ بۇرچ، ۋەزىپە:[مىسال:] بۇنى قىلىش مېنىڭ ئىشىم، دېدى ئۇ قەتئىي ھالدا.[يەشمىسى:] ⑨ سوت ياكى مەمۇرىي ئورگانلاردا تەكشۈرۈلۈۋاتقان مەسىلە:[مىسال:] جىنايى ئىشلار. خىيانەتچىلىك ئىشى.[يەشمىسى:] 01 سادىر بولغان ۋەقە، ھادىسە:[مىسال:] بىز[يەشمىسى:] ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدۇق.[يەشمىسى:] 11 ھالەت، ئەھۋال:[مىسال:] ئىش چاتاق. ئىشلار قانداقراق[يەشمىسى:] 21 مەخپىيەتلىك:[مىسال:] ئەدىيالنىڭ ئىچىدىن ئەركىننىڭ خىرتىلداپ يىغىلىشى ئاڭلاندى. ئەمدى ئىش ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى.[يەشمىسى:] 31 ئامال، ئۇسۇل، چارە:[مىسال:] بۇنىڭ ئىشى ئوڭاي.[يەشمىسى:] 41 ئامەت:[مىسال:] ئىش ئوڭدىن كەلمەك.[يەشمىسى:] 51 مەقسەت، مۇددىئا:[مىسال:] ۋەزىر ئاتتىن چۈشۈپ، نۇردۇن بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە:[مىسال:] قەيەردىن، نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭىز ئوغلۇم دەپتۇ ۋەزىر نۇردۇنغا.[يەشمىسى:] 61 دۇچ كېلىش، ئالدىدا تۇرغان ياكى دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي ئەھۋال، مەسىلە:[مىسال:] بېشىغا ئىش كەلمەك. * ياز بار، قىش بار، ئالدىرىماڭ، ئىش بار (ماقال).71 [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<بىر كۈچنىڭ جىسىمنى ئۆز يۆنىلىشى بويىچە سىلجىتىشى. ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەسىر قىلغۇچى كۈچنىڭ مىقدارىنى كۈچنىڭ يۆنىلىشىدە جىسىم سىلجىغان ئارىلىققا كۆپەيتكەنگە تەڭ.

ئىش ئادىمى

  • ئىش ئادىمى[يەشمىسى:] ئىش قىلغاندا بېسىپ ئولتۇرالايدىغان، زېرىكمەي، قېتىرقىنىپ ئىشلەيدىغان ئادەم:[مىسال:] مېنىڭچە قۇددۇس ھاپىز ھەقىقىي بىر ئىش ئادىمى.

ئىش بولمىدى

  • ئىش بولمىدى[يەشمىسى:] «ئىش-ھەرىكەت كاشىلىغا ئۇچرىدى» دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] خوجىنىياز پالۋان، ئەمدى ئىش بولمىدى دەپ ئاقساق بايتىلىنىڭ ئورنىغا ئالىپباينىڭ كۈرەڭ قاشقىسىنى مىندى.

ئىش بېشى

  • ئىش بېشى[يەشمىسى:] ئىشقا رەھبەرلىك قىلىپ تۇرغۇچى كىشى؛ سەركار:[مىسال:] مۇندىن كېيىن جەزمەن ئاممىنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرىدىغان، بارلىقىنى باي، مەدەنىيەتلىك يېڭى يېزا قۇرۇشقا بېغىشلىغان سادىقتەك بېجىرىم كىشىلەر ئىش بېشى بولىدۇ.

ئىش تاپماق

  • ئىش تاپماق[يەشمىسى:] ① ئىش ئىزدىمەك:[مىسال:] بىرەر جايدىن ئىشلەيدىغان ئىش تاپاي دەۋاتىمەن.[يەشمىسى:] ② چاتاق چىقارماق، ھادىسە، ۋەقە تۇغدۇرماق:[مىسال:] بۇ نېمە قىلغىنىڭىز ئۆزىڭىزگە ئىش تاپماقچىمۇ سىز

ئىش تارتماق

  • ئىش تارتماق[يەشمىسى:] موزدۇزلۇقتا ئاياغ كىيىمنى قېلىپقا سالماق.

ئىش تامام ۋەسسالام

  • ئىش تامام ۋەسسالام[يەشمىسى:] ھەممە تۈگەيدۇ ياكى تۈگىدى:[مىسال:] مانا مۇشۇنداق قىلىپ بىرلا تارتىمەن، ئىش تامام ۋەسسالام. * ئەمدى مېنىڭ سەن بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتىم يوق. ئىش تامام ۋەسسالام.

ئىش تەۋرەتمەك

  • ئىش تەۋرەتمەك[يەشمىسى:] بىرەر ۋەقە ياكى ھەرىكەت پەيدا قىلماق، قوزغمىماق.[مىسال:] ئۇلار بۇ قېتىم ئۇ خوتەندە چوڭ ئىش تەۋرەتتى.

ئىش تۈگىمەك

  • ئىش تۈگىمەك[يەشمىسى:] ① ھەممە بەربات بولماق:[مىسال:] بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئاشۇ ھامۇتتەك بىرنېمىلەرنىڭ قولىغا قالغان ئىكەن، ئىش تۈگىدى دېگىنە.[يەشمىسى:] ② ھەممە ھەل بولماق.

ئىش تېرىماق

  • ئىش تېرىماق[يەشمىسى:] ۋەقە پەيدا قىلماق، چاتاق چىقارماق:[مىسال:] بالام بەك شوخ، ئۇنى بىرەر ئىش تېرىپ قويمىسۇن، دەپ ئەنسىرەيمەن.

ئىشتىن چىقماق

  • ئىشتىن چىقماق[يەشمىسى:] كېرەككە كەلمەيدىغان بولۇپ قالماق، كېرەكسىز ھالغا كەلمەك:[مىسال:] ماشىنا ئىشتىن چىقىپتۇ، ئەمدى قانداق كېتەرمىز، دېدى زۆرەم.

ئىشتىن قالماق

  • ئىشتىن قالماق[يەشمىسى:] ① ئىشقا، خىزمەتكە بارالماي، چىقالماي قالماق:[مىسال:] ئۇ بىر ئاي ئىچىدە بىر كۈن ئىشتىن قالدى.[يەشمىسى:] ② كاردىن چىقىپ كەتمەك، كېرەكسىز ھالغا كەلمەك، ئىش قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتماق.

ئىش چاتاق

  • ئىش چاتاق[يەشمىسى:] «ئىش-ھەرىكەت ئاقمايدۇ، يۈرۈشمەيدۇ، كاشىلا كۆپ» دېگەن مەنىلەردىكى ئىبارە:[مىسال:] ئىم، ئىش چاتاق، تەركىبىم باي دېھقان بوپتۇ، دەپ ئالاقزادە بولۇپ يۈردى يۈسۈپ چوڭ.

ئىش چىقماق

  • ئىش چىقماق[يەشمىسى:] بىرەر ۋەقە يۈز بەرمەك، مەسىلە تۇغۇلماق:[مىسال:] ئۇلار يۈسۈپ چوڭ بىلەن قىسمەت چورۇق ئوتتۇرىسىدا ئىش چىقىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ كەلگەنىدى.

ئىش كاتتا

  • ئىش كاتتا[يەشمىسى:] بىرنەرسە ياكى ئىشنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] داستىخان ۋە سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرغانلارنى كۆرۈپ، «ئىش كاتتىغۇ» دېدى ئۇ.

ئىش كۆرگەن

  • ئىش كۆرگەن[يەشمىسى:] بېشىدىن خېلى جىق ئىش ئۆتكەن، تەجرىبىلىك:[مىسال:] سىزمۇ ياشانغان، ئىش كۆرگەن، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىدىغان ئايال ئىكەنسىز.

ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماق

  • ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماق[يەشمىسى:] ئومۇمەن بىرەر ئىش-ھەرىكەت بىلەن مەشغۇل بولماق:[مىسال:] مەن كۆڭلۈمدە دائىم تېزرەك بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، قەرزىمنى تۆلەپ بولۇشقا ئالدىرايتتىم.

ئىشنىڭ تىلى

  • ئىشنىڭ تىلى[يەشمىسى:] ئىشنىڭ قائىدە-قانۇنىيىتى، ئىشلەش يوللىرى:[مىسال:] ئىشنىڭ تىلىنى بىلمەك.

ئىشنىڭ قىزىقى

  • ئىشنىڭ قىزىقى[يەشمىسى:] مەسىلىنىڭ ھەيران قالارلىق تەرىپى، كۈلكىلىك قىسمى:[مىسال:] مانا ئەمدى سابىرمۇ ئۆزىنىڭ تاشقا ئۇرۇلغان تۇخۇم ئىكەنلىكىنى سەزدى، سېزىدۇ. مانا شۇ چاغدا ئىشنىڭ قىزىقى چىقىدۇ.

ئىشنىڭ كۆزىنى تاپماق

  • ئىشنىڭ كۆزىنى تاپماق[يەشمىسى:] ئىشنىڭ ئاچقۇچى، ھەل قىلغۇچ تۈگۈنىنى چۈشىنىپ يەتمەك:[مىسال:] يېزىمىز نېمە ئۈچۈن، ئۇ يېزىدەك بولالمايدۇ ئويلىغانسېرى كۆڭلۈم يورۇشقا باشلىدى، ئىشنىڭ كۆزىنى تاپتىم، كۆڭلۈمدە نۇرغۇن پىلانلار تۈزۈلدى.

ئىشىڭنى قىل

  • ئىشىڭنى قىل[يەشمىسى:] «ئۆزۈڭنى بىل، ئۆز ئىشىڭنى قىل، باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە ئارىلاشما» دېگەن مەنىلەردىكى ئىبارە:[مىسال:] كارىڭ بولمىسۇن، ئىشىڭنى قىل-ۋېلىخان بەگ ھەيۋىسىنى بۇزماستىن ۋارقىرىدى.

ئىشنى ئوخشاتماق

  • ئىشنى ئوخشاتماق[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەتنى قاملاشتۇرۇلماي، بۇزۇپ قويماق، يامانلاشتۇرماق:[مىسال:] ھىم، مانا دېمىدىممۇ، دەپ ۋارقىرىدى مويدىن خوجا قىردا تۇرۇپ، باقى قىزىلمۇچ ئىشنى ئوخشاتتى، ئەنە سۇ ھارۋىنىڭ شوتىسىنى بېسىپ كەتتى.

ئىش يۈگۈرمەك

  • ئىش يۈگۈرمەك[يەشمىسى:] گىلەم توقۇش ئۈچۈن، ئۆرۈش يىپنى دۇكان جازىسىغا تارتماق.

ئىشارە

  • ئىشارە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆز، قاش، قول، باش ھەرىكىتى بىلەن بېرىلگەن بەلگە، ئىما؛ ئىشارەت:[مىسال:] ئىشارە قىلماق. * رەيھان ماقۇللۇق ئىشارىسىنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئالامەت، بەلگە:[مىسال:] ماتېماتىكىلىق ئىشارە.

ئىشارەت

  • ئىشارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەقسەت، نىشان، غەرەزنى سۆزسىز، تىلسىز ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بەلگە؛ ئىما:[مىسال:] ئىشارەت قىلماق. * ئەقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز (ماقال).

ئىشارەتلەشمەك

  • ئىشارەتلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىشارەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خەلچەم بىلەن زۆھرەخان ئىشارەتلىشىپ كېسەلنى ئېلىپ كېتىشتى.

ئىشارەتلىك

  • ئىشارەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشارەت، بەلگىلەر ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن ياكى كۆرسىتىلگەن:[مىسال:] بولۇپمۇ مۇھىمى شۇكى، بالىلارغا بەلگە شەكلىدىكى رەسىملەر دەسلەپكى چېرتيوژ، ئىشارەتلىك خەرىتىلەرنى چۈشىنىدىغان بولۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك.

ئىشارەتلىمەك

  • ئىشارەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىشارەت ئارقىلىق بىلدۈرمەك، ئىپادىلىمەك، ئىشارەت قىلماق:[مىسال:] خەيرۇللا قاش، كۆز، ئېڭەكلىرى بىلەن قەمەرلەرنىڭ ئۆيى تەرەپنى ئىشارەتلىدى.

ئىشارىلىك

  • ئىشارىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشارە بىلەن بىلدۈرۈلگەن:[مىسال:] كىشىلەر ئارىسىدا كىملەردۇر پىچىرلىشىپ ۋە ئىشارىلىك سۆزلەرنى قىلىشىپ، باشلىرىنى بىلىنەر-بىلىنمەس ھالدا سىلكىشەتتى.

ئىشان

  • ئىشان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىسلام دىنىنىڭ سوپى مەزھىپىگە مەنسۇپ دىنىي ئۆلىما، تەرغىباتچى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئىشانلىق

  • ئىشانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشان ۋە پىرلارنىڭ ئورۇن مەرتىۋىسى ۋە ئىشى:[مىسال:] ئىشانلىق قىلماق.

ئىشەنچ

  • ئىشەنچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەقىقىي، چىن، راست، شەرتسىز دەپ بىلىش، ئىشىنىش؛ ئېتىقاد:[مىسال:] ئىشەنچكە تولماق. ئىشەنچ باغلىماق. ئىشەنچ كامىل. * ئىشەنچ بولسا ياخشى ئەخلاقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئاقىۋەتتە كىشىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

ئىشەنچى كامىل

  • ئىشەنچى كامىل[يەشمىسى:] «شۇنداقلىقىدا شەك يوق، ھەقىقەتەن شۇنداق» دېگەندەك مەنىلەردىكى ئادەت سۆزى.

ئىشەنچسىز

  • ئىشەنچسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىشىنىپ بولمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغان، ئىشەنچلىك ئەمەس:[مىسال:] ئىشەنچسىز ئادەم. ئىشەنچسىز دوست.[يەشمىسى:] ② ئۈمىد-ئىشەنچ يوق، ئىشەنچ قىلالمىغان، ئىشەنچسىزلىك ئىپادىلىنىپ، چىقىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] رەۋىخان ئاچاخېلىدىن كېيىن، ھېزىم ئاكىغا غەلىتە بىر نەزەردە تىكىلگىنىچە ئىشەنچسىز تەلەپپۇزدا سورىدى.

ئىشەنچسىزلىك

  • ئىشەنچسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشەنمەسلىك، دەرگۇمان:[مىسال:] ئاناممۇ... قوشۇلدى، دېدى ئەخمەت ئېغىر تىنىپ، ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئىشەنچسىزلىك بار ئىدى.

ئىشەنچىلىك

  • ئىشەنچىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشەنسە، ئىشەنچ قىلسا بولىدىغان:[مىسال:] ئىشەنچىلىك ئادەم. ئىشەنچلىك خەۋەر. ئىشەنچلىك گەپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىشەنچ قىلغان ھالدا، ئىشەنچ بىلەن:[مىسال:] ئۇ كەينىگە ياندى. خىيال قۇشى مۇشۇنداق ئەجىر بىلەن كېلىدىغان كەلگۈسى بەختىيار كۈنلەر ئۈستىدە ئىشەنچلىك پەرۋاز قىلاتتى.

ئىشەندۈرەرلىك

  • ئىشەندۈرەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشەندۈرىدىغان، قايىل قىلارلىق:[مىسال:] ئاتابېكنىڭ سۆزلىرى كىشىنى تولۇق ئىشەندۈرەرلىك دەرىجىدە، خەتكە مۇۋاپىق ئىدى.

ئىشەندۈرمەك

  • ئىشەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئىشەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ تەجرىبە بىزنى نەرسە، دۇنيا، مۇھىتنىڭ بىزگە باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەندۈرىدۇ.

ئىشەندۈرۈلمەك

  • ئىشەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ئىشەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىشەنمەك

  • ئىشەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەقىقىي، چىن، شەرتسىز، راست دەپ بىلمەك، ئىشەنچ قىلماق:[مىسال:] مەنسۇر، خۇرشىدىخاننىڭ سۆزلىرىدىن سەلىمىنىڭ راستتىنلا بۇ يەرگە كەلمىگەنلىكىگە ئىشەندى.

ئىش-پائالىيەت

  • ئىش-پائالىيەت[يەشمىسى:] قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەر:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن فابرىكىدا ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى.

ئىشپىيون

  • ئىشپىيون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>نېمىسچە[[يەشمىسى:] دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاخباراتىنى ۋە ھەربىي سىرلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىگىلەپ، ئۇنى ئوغرىلاپ باشقا مەملىكەتكە، دۈشمەن تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان شەخس، جاسۇس.

ئىشپىيونلۇق

  • ئىشپىيونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشپىيونلارغا يۈكلەنگەن ئىش، ۋەزىپە؛ جاسۇسلۇق:[مىسال:] مەن مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىسى، يەنە كېلىپ باتۇر جەڭچىسى بولغان، لېكىن مەن كونىشەھەردە ئىشپىيونلۇق قىلىش ئۈچۈن قالغان ئەمەسمەن.

ئىشتان

  • ئىشتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تەننىڭ بەلدىن تۆۋەنكى قىسمىغا كىيىلىدىغان، ئۇزۇن ئىككى پاچاقلىق كىيىم؛ شىم:[مىسال:] ئىشتان كىيمەك.

ئىشتانغا چىقىرىۋەتمەك

  • ئىشتانغا چىقىرىۋەتمەك[يەشمىسى:] قورقىنىدىن چىچىۋەتمەك، ھەددىدىن زىيادە قورقماق:[مىسال:] كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا شاكىرنىڭ ئىشتانغا چىقىرىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا قىزىق گەپلەر بار.

ئىشتىنى تىزىدىن ئاشماسلىق

  • ئىشتىنى تىزىدىن ئاشماسلىق[يەشمىسى:] نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىق:[مىسال:] ئۇ ئىشتىنى تىزىدىن ئاشماي ئالەمدىن ئۆتتى.

ئىشتىنى ئىككى بولۇپ قالماق

  • ئىشتىنى ئىككى بولۇپ قالماق[يەشمىسى:] ئاز-پاز پۇل-مالغا ئېرىشىپ، ھال-كۈنى ياخشىلانماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىشتىنى ئىككى بولۇپ قاپتۇ، شۇڭا تىلى ئۇزىراپ قالدى.

ئىشتىنىغا پىت تاشلىماق

  • ئىشتىنىغا پىت تاشلىماق[يەشمىسى:] ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلماق، زىددىيەت، ئىختىلاپ تۇغدۇرماق، ئىچكى ياقتىن كۈشكۈرتۈپ زىتلاشتۇرماق:[مىسال:] قايسى كۈنى جانابلىرى ئەقىل چىرىغىمغا ياغ قۇيغاندىن كېيىن، مەن نەچچە كىشىنىڭ ئىشتىنىغا پىت تاشلىدىم، ئىشىنىمەنكى، خەلق چوقۇم تىركىشىدۇ، غوۋغا چىقىدىغانلىقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئىشتانباغ

  • ئىشتانباغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىشتان+باغ[[يەشمىسى:] ئىشتاننى كۆتۈرۈپ تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈلىدىغان شوينا.

ئىشتانبېغى بوش

  • ئىشتانبېغى بوش[يەشمىسى:] ئاسان ئېرىپ كېتىدىغان، ئەخلاقى ناچار؛ شاللاق، ئىرادىسىز (ئاياللار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ خوتۇننىڭ ئىشتانبېغى بوش ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم.

ئىشتانپايپاق

  • ئىشتانپايپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىشتان+پايپاق[[يەشمىسى:] ئۈستى ئىشتان، ئۇچى پايپاقتىن ئىبارەت بولغان ھەمدە بۇ ئىككىسى بىرىكتۈرۈپ تىكىلگەن ياكى توقۇلغان بىر خىل كىيىم. كۆپىنچە بالىلار ۋە ئاياللار كىيىدۇ.

ئىشتانچاق

  • ئىشتانچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشتاندىن باشقا ھېچنېمە كىيمىگەن، پەقەت ئىشتانلا كىيگەن:[مىسال:] ئىشتانچاق يۈرمەك.

ئىشتانسىز

  • ئىشتانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشتىنى يوق، ئىشتان كىيمىگەن:[مىسال:] ئىشتانسىزنىڭ چۈشىگە ئىككى غېرىچ بۆز كىرىپتۇ (ماقال).

ئىشتانلىق

  • ئىشتانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىشتىنى بار، ئىشتان كىيگەن:[مىسال:] يولنىڭ ئۇ قېتىدىكى كۆك ئىشتانلىق كىشى مېنىڭ بىر نەۋرە ئاكام بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئىشتان بولىدىغان، ئىشتان چىقىدىغان ياكى ئىشتان تىكىشكە، كىيىشكە باب:[مىسال:] بىر ئىشتانلىق رەخت. ئىككى ئىشتانلىق سارجا.

ئىشتە

  • ئىشتە[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ بىرەرسىنىڭ قىلغان بىرەر ئىش-ھەرىكىتى، گەپ-سۆزى قاتارلىقلار كۆڭلىگە ياقماي قالغاندا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان سۆزى:[مىسال:] ئىشتە نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟

ئىشتەي

  • ئىشتەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «ئىشتىھا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئاش يوق-ئىشتەي يوق (ماقال). * مەسۇم مايلىرى ئېقىپ، گۆشلىرى تىترەپ تۇرغان بىر تەخسە پېتىر مانتىنى ئىشتەي بىلەن يېمەكتە ئىدى.

ئىشتىراك

  • ئىشتىراك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە ياكى توي، مۇراسىم، مەجلىس، يىغىن قاتارلىقلارغا قاتنىشىش، بېرىش؛ داخىل:[مىسال:] ئىشتىراك قىلماق. ئىشتىراك ئەتمەك.

ئىشتىراكچى

  • ئىشتىراكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە، يىغىن، مۇراسىم، مەرىكە، ئولتۇرۇش سورۇنلارغا ئىشتىراك قىلغۇچى، قاتناشقۇچى كىشى:[مىسال:] مەجلىس ئىشتىراكچىلىرى.

ئىشتىك

  • ئىشتىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مىلتىققا ئورنىتىلغان نەيزە، تىغ:[مىسال:] ئىشتىك سانجىماق.

ئىشتىھا

  • ئىشتىھا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەككە كۆڭلى تارتىشى؛ مايىللىقى:[مىسال:] ئىشتىھا بىلەن يېمەك. * ئۇلار ئىشتىھا بىلەن كاۋاپ يېيىشتى.

ئىشتىھاسىزلىق

  • ئىشتىھاسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشتىھاسى يوقلۇق، يېيىشكە كۆڭلى تارتماسلىق:[مىسال:] تاماقنى ئىشتىھاسىزلىق بىلەن يېمەك.

ئىشتىھالىق

  • ئىشتىھالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشتىھاسى بار، ئىشتىھاسى ياخشى:[مىسال:] ئىشتىھالىق ئادەم. * كۆزىتىدۇ باشلىقلىرىنىڭ ئارزۇسى نە، خۇلقى-پەيلىچۇ، ئىشتىھالىق قايسى تائامغا، تەلپۈنۈشى-كۆڭۈل مەيلىچۇ.

ئىشتىياق

  • ئىشتىياق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى بىرەر نەرسە، ئىشقا بولغان زور قىزىقىش؛ زوق، ھەۋەس:[مىسال:] سارىخان ئانا باغ ئارىسىدىكى بىر تاسما بوش يەرگە ئىشتىياق بىلەن گۈل ئۆستۈرۈپ، ھويلا ئىچىنى چوغدەك قىزارتتى.

ئىشچان

  • ئىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشتىن باش تارتمايدىغان، ئىشنى ياخشى كۆرىدىغان؛ ئەمگەكچان، ئەمگەك سۆيەر:[مىسال:] ئىشچان قىز. ئىشچان يىگىت. * بۇرۇنقى زاماندا ناھايىتى ئىشچان بىر باغۋەن ئۆتكەنىكەن.

ئىشچانلىق

  • ئىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشتىن باش تارتمىز. ئىشچان يىئىشچان بىر بااخشى كۆرەتتى. ئەل-يۇرت ئارىسىدا قىزىنىڭ قەيسەرلىكى، ئىشچانلىقى بىلەن پەخىرلىنەتتى.

ئىشچى

  • ئىشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاساسەن ئىش ھەققى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئەمگەكچى:[مىسال:] پېشقەدەم ئىشچى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى.

ئىشچى ھەرە

  • ئىشچى ھەرە[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھەسەل ھەرىلىرى ئىچىدىكى كۆپىيىش ئورگىنى مۇكەممەل تەرەققىي قىلمىغان چىشى ھەرە. تېنى كىچىك، سېرىققا مايىل كۈل رەڭ كېلىدۇ. قانىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇچۇشقا ماھىر كېلىدۇ. نەشتىرى بار. قورساق قىسمىدا موم ماددىسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان موم بېزى بار، ئارقا ئىككى پۇتىدا چاڭدىنى بار. ئادەتتە ئۇ كۆنەك ياساش، گۈل چېڭى ۋە گۈل شىرنىلىرىنى يىغىش، لىچىنكا ھەم ئانا ھەرىلەرنى بېقىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ، ئۇرۇقلىنالمايدۇ.

ئىشچى-خىزمەتچى

  • ئىشچى-خىزمەتچى[يەشمىسى:] دۆلەتنىڭ ئىشچىسى ۋە كادىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ:[مىسال:] ئىدارە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى.

ئىشچى-دېھقان

  • ئىشچى-دېھقان[يەشمىسى:] ئىشچى ۋە دېھقان:[مىسال:] ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقى.

ئىشچىلىق

  • ئىشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشچىلارغا يۈكلەنگەن، ئىشچىلار قىلىدىغان ئىش، كەسىپ:[مىسال:] ئىشچىلىققا قوبۇل قىلماق.

ئىشخانا

  • ئىشخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىش قىلىدىغان بىرەر جاي، ئورۇن، دۇكان، ئۆي، سېخ ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] تۆمۈرچىلىك ئىشخانىسى.[يەشمىسى:] ② ئىش، خىزمەت قىلىنىدىغان جاي، مەمۇرىي ياكى كەسپىي ئىش بېجىرىش ئۆيى:[مىسال:] ئىدارە ئىشخانىسى. مۇدىر ئىشخانىسى.

ئىشداش

  • ئىشداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن بىرگە بىر خىل ئىش، كەسپنى ئىشلىگۈچى ياكى قىلىۋاتقان ئىش-ھەرىكىتى، كەسپى بىر خىل، ئوخشاش بولغان كىشى:[مىسال:] ئۆيىمىزگە شەنبە، يەكشەنبە كەچلىرى رەپقەتنىڭ ئاغىنىلىرى بىلەن مېنىڭ يېڭى ئورۇنلاشقان مەكتىپىمدىكى ئىشداشلىرىم يىغىلاتتى.

ئىشرەت

  • ئىشرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كەيپ-ساپا، ئەيش، ئەيش-ئىشرەت:[مىسال:] ئىشرەت قىلماق. ئىشرەت قىزىپ كەتمەك. * ئەي ساقىي شاراب تۇت، بىل بۇ دەم ئىلھام ماڭا ئۈلپەت، نەئىلھام، بۇ زىبا گۈل يۈز مېنىڭ بىرلە قىلۇر ئىشرەت.

ئىشرەتپەرەس

  • ئىشرەتپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كەيپ-ساپاغا، ئەيش-ئىشرەتكە قاتتىق بېرىلگەن، ئىشرەتنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم؛ ئىشرەتخۇمار:[مىسال:] ئۇ شۇ قىزنى قولتۇقلاپ ئەيش-ئىشرەت بەزمىلىرىگە ئەكىرىشنى ئۆزى ئۈچۈن شان-شۆھرەت ھېسابلايدۇ. ئۇ ئاجايىپ ئىشرەتپەرەس ئادەم ئىكەن.

ئىشرەتپەرەسلىك

  • ئىشرەتپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەيپ-ساپاغا، ئەيش-ئىشرەتكە قاتتىق بېرىلىش ھالىتى، ئىشرەتخۇمارلىق:[مىسال:] ئىشرەتپەرەسلىك قىلماق.

ئىشرەتخانا

  • ئىشرەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىشرەت قىلىنىدىغان جاي؛ ئىشرەتگاھ.

ئىشرەتخۇمار

  • ئىشرەتخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كەيپ-ساپاغا، ئەيش-ئىشرەتكە ئامراق، ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىشنى، ئەيش-ئىشرەت قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان:[مىسال:] ئىشرەتخۇمار ئادەم.

ئىشرەتگاھ

  • ئىشرەتگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «ئىشرەتخانا»غا قاراڭ.

ئىشسىز

  • ئىشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىلىدىغان ئىشى يوق، بىكار، بوش:[مىسال:] بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىش، خىزمەت بىلەن تەمىنلەنمىگەن؛ ئىش، خىزمەت تاپالمىغان؛ خىزمەتسىز:[مىسال:] ئىشسىز ئادەم. * بۇ كىشى ھازىر ئىشسىز ئىكەن، شۇڭا بۈگۈن ئۇ ئۆز ئەھۋالى توغرىسىدا ھال ئېيتىپ كەپتۇ.

ئىشسىزلىق

  • ئىشسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىش، خىزمەت بىلەن تەمىنلەنمىگەن، خىزمەت تاپالمىغان ھالەت، خىزمىتى يوقلۇق:[مىسال:] ھازىر جەمئىيىتىمىزنى ئىشسىزلىق قاپلىدى.

ئىششەك

  • ئىششەك[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] يېڭى جىڭدا بەش جىڭغا، كونا جىڭدا تۆت جىڭغا تەڭ كېلىدىغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى.

ئىششەك-نىمئىششەك

  • ئىششەك-نىمئىششەك[يەشمىسى:] كىچىككىنە، ئازراقلا، ئازغىنا:[مىسال:] -ھى، .. ھى... ھى، كۈلۈپ كەتتى ئابلا ئىشەنمىگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ، -چاقچاق قىلمىسىلا، ئۆزۈڭلار بەرگەن ئىششەك-نىمئىششەك ئاشقا شۈكۈر-قانائەت قىلىپ كەلدىم.

ئىششىتماق

  • ئىششىتماق[يەشمىسى:] «ئىششىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالا ئۇنىڭ كۆزىنى ئۇرۇپ ئىششىتتى.

ئىششىق

  • ئىششىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزم توقۇلمىلىرىنىڭ تاشقى تەسىر ياكى كېسەللىك (بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى ياللۇغلىنىش، قىزىرىش، يىرىڭداش، سۇنۇش، قاتتىق ئۇرۇلۇش قاتارلىق كېسەللىك) لەر تۈپەيلى بۆرتۈپ چىقىشى، كۆپجۈشى:[مىسال:] ئىششىقنى ياندۇرماق.

ئىششىماق

  • ئىششىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئورگانىزمدا ياكى ئۇنىڭ بىرەر قىسمىدا تاشقى تەسىر ياكى كېسەللىك تۈپەيلى قاپارتما ھاسىل بولماق:[مىسال:] ماھىرەنىڭ قاپاقلىرى ئىششىپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

ئىشغال

  • ئىشغال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قولغا ئېلىش، ئىگىلەش، بېسىۋېلىش، تارتىۋېلىش:[مىسال:] شەھەرنى ئىشغال قىلماق. ئىستىھكامنى ئىشغال قىلماق. پوتەينى ئىشغال قىلماق.

ئىشغالىيەت

  • ئىشغالىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىشغال قىلىش ئىشى، ئىگىلىۋېلىش، بېسىۋېلىش، بېسىپ كىرىش:[مىسال:] دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىكى رايون. * ۋەزىپە ئالغان قىسمىمىز ئىشغالىيەت دائىرسىدىكى تاغ-جىلغىلارنىڭ ھەممە يېرىنى تەكشۈردى.

ئىشغالىيەتچى

  • ئىشغالىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشغال قىلغۇچى.

ئىشق

  • ئىشق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يارغا بولغان مۇھەببەت، سۆيگۈ:[مىسال:] ئىشق سەۋداسى. يار ئىشقىدا كۆيمەك. * ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىق ئوچاق ياخشى (ماقال). * ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② زور ئىشتىياق، مەيل:[مىسال:] ۋەتەن ئىشقى. بىلىم ئىشقى.

ئىشقار

  • ئىشقار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېكترولت ئىئونلانغاندا ھاسىل قىلغان مەنپىي ئىئوننىڭ ھەممىسى ھىدروكسىل ئىئونى (HO) بولغان بېرىكمە.

ئىشقارخور

  • ئىشقارخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئىشقار يەيدىغان، ئىشقار قوبۇل قىلىدىغان.

ئىشقارخۇمار

  • ئىشقارخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىشقارنى ئۆزىگە كۆپ سىڭدۈرگەن. ئىشقارنى كۆپ قوبۇل قىلغان ياكى قوبۇل قىلىدىغان، ئىشقار قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك: غەيرىي بويىلىدىغان دانىچە دېگىنىمىز بىر خىل ئىشقارخۇمار دانىچە ماددىدىن ئىبارەت.

ئىشقارلىق

  • ئىشقارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىشقارى بار. ئىشقار ئارىلاشتۇرۇلغان:[مىسال:] ئىشقارلىق سۇ. ئىشقارلىق بوياقلار.[يەشمىسى:] ② ئىشقار ۋاسىتىسىدە ئىشلىتىلىدىغان:[مىسال:] ئىشقارلىق ئاككومۇلياتور.

ئىشقارىي

  • ئىشقارىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ① ئىشقار ھاسىل قىلغۇچى ياكى ئىشقار ھاسىل قىلىدىغان:[مىسال:] ئىشقارىي مېتاللار.[يەشمىسى:] ② ئىشقارلىق، ئىشقار خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئىشقارىي ئېرىتمە.

ئىشق-پىراق

  • ئىشق-پىراق[يەشمىسى:] ئىشق ۋە پىراق، مۇھەببەت ۋە جۇدالىق:[مىسال:] گۈلەمبەر ئانارنى پۇراپ، خۇددى سەمەندەرنى كۆرگەندەك بوپتۇ-دە، ئىشق-پىراقى تېخىمۇ كۈچىيىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ.

ئىشقسىز

  • ئىشقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشقى يوق، ئىشقى بولمىغان:[مىسال:] بىلكى ئابدۇللا، ئىشقسىز كىشىدىن ياخشى گىياھ، سۆيگۈ يانغان دىل ئەبەد ئەتىۋار ھېچ خار ئەمەس.

ئىشق-مۇھەببەت

  • ئىشق-مۇھەببەت[يەشمىسى:] ئىشق ۋە مۇھەببەت، سۆيگۈ:[مىسال:] ئىشق-مۇھەببەت ھېكايىسى.

ئىشقۋاز

  • ئىشقۋاز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] مېھرى چۈشكەن، ھەۋەس قىلغان، مۇھەببەتكە بېرىلگەن، ھەۋەسمەن؛ ھېرىسمەن:[مىسال:] ئىشقۋاز ئادەم.

ئىشقۋازلىق

  • ئىشقۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېھرى چۈشۈش، ھەۋەس قىلىش ھالىتى، ھەۋەسمەنلىك؛ ھېرىسمەنلىك:[مىسال:] ئەمەت ئۇستا كېيىنكى ئىككى يىلدا گۈللەرنى ناھايىتى ئىشقۋازلىق بىلەن بېرىلىپ پەرۋىش قىلدى.

ئىشقىلىپ

  • ئىشقىلىپ[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[قۇرۇلمىسى:]]ئىش+قىل+ئىپ[[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، «قانداق بولمىسۇن، قانداقلا بولمىسۇن، ھەرھالدا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن سىزگە قانچىلىق كۆز يېشىم ئاققىنىنى ھېسابلاپ كۆرسەتمەكچى ئەمەسمەن، ئىشقىلىپ كۆز يېشىم ئاقمىغان بىرمۇ كۈن يوق.

ئىشقىلاتماق

  • ئىشقىلاتماق[يەشمىسى:] «ئىشقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىشقىلاشماق

  • ئىشقىلاشماق[يەشمىسى:] «ئىشقىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىشقىلانماق

  • ئىشقىلانماق[يەشمىسى:] «ئىشقىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىشقىلىماق

  • ئىشقىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قول بىلەن قاتتىق بېسىپ، ھىمىرىپ سىلىماق، ھىمىرىپ ئەزمەك:[مىسال:] نەۋرىخان ئاچىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى، بىئارام بولغىنىدىن، كېپەك يۇقى قوللىرىنى ئىشقىلايتتى.

ئىشكاپ

  • ئىشكاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە تۈرلۈك نەرسىلەرنى سېلىپ قويىدىغان، تىك ھەم ساندۇقسىمان جاھاز.

ئىشكەل

  • ئىشكەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جىنايەتچىلەرنىڭ پۇتىغا سېلىپ قۇلۇپلاپ قويۇلىدىغان، مېتالدىن ياسالغان ھالقىسىمان جازا قورالى؛ كىشەن:[مىسال:] ئىشكەل سالماق.

ئىشكەللەشمەك

  • ئىشكەللەشمەك[يەشمىسى:] «ئىشكەللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىشكەللەنمەك

  • ئىشكەللەنمەك[يەشمىسى:] «ئىشكەللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىشكەللىمەك

  • ئىشكەللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىشكەل سالماق، ئىشكەل سېلىپ تېز يۈرەلمەس قىلىپ قويماق.

ئىشلەپچىقارماق

  • ئىشلەپچىقارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]ئىشلەپ+چىقارماق[[يەشمىسى:] ئەمگەك ئارقىلىق ماددى بايلىق ياراتماق:[مىسال:] بۇ زاۋۇت كۈنىگە ئوتتۇز دانە تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ئىشلەتمەك

  • ئىشلەتمەك[يەشمىسى:] ① «ئىشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ مېنى ھەر كۈنى ئون سائەتتىن ئارتۇق ئىشلىتىدۇ.[يەشمىسى:] ② پايدىلانماق، قوللانماق، ئىشقا سالماق؛ رولى ۋە كۈچىنى جارىي قىلدۇرماق:[مىسال:] ئەسۋاب ئىشلەتمەك. ماتېرىيال ئىشلەتمەك. قەغەز ئىشلەتمەك. جابدۇق ئىشلەتمەك.[يەشمىسى:] ③ خەجلىمەك؛ سەرپ قىلماق:[مىسال:] پۇل ئىشلەتمەك. ياغ ئىشلەتمەك. سۇ ئىشلەتمەك.

ئىشلەشمەك

  • ئىشلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىشلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۇزۇن يىللار بىللە ئىشلەشتى.

ئىشلەمچان

  • ئىشلەمچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمگەك سۆيىدىغان، ئەمگەك سۆيەر، ئىشچان:[مىسال:] بۇ بالا كىچىكىدىنلا شۇنداق ئىشلەمچان، ئەقىللىق بىر بالا بولدى.

ئىشلەمچى

  • ئىشلەمچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىسمانىي ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلغۇچى ئادەم؛ مەدىكار؛ ئەمگەكچى:[مىسال:] مېرۇل قېرىنىڭ چاپارمەنلىرى ھەرىكەتكە كەلسىمۇ، ئىشلەمچىلەر بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمگەكچان، ئىشچان:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئوتۇنچى قىزى بىلەن بەخت-دۆلەتكە ئىگە بولۇپ، قىزىنى ئۆزىگە ئوخشاش ساددا بىر ئىشلەمچى يىگىتكە توي قىلىپ بېرىپ، خاتىرجەم ۋە خۇشال-خۇرام كۈن كەچۈرۈشكەنىكەن.

ئىشلەمچىلىك

  • ئىشلەمچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىسمانىي ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش، مەدىكارلىق:[مىسال:] ئىكەن ئەسلىي جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا، تاغام مېنى چۈشۈرۈپتۇ قىلتاققا. شۇندىن باشلاپ قالدىم تامام كوچىدا، مەجبۇر بولدۇم ئىشلەمچىلىك قىلماققا.

ئىشلەنمە

  • ئىشلەنمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماشىنىسازلىق<[يەشمىسى:] ماشىنىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدىكى ئەمگەك ئوبيېكتى.

ئىشلەنمەك

  • ئىشلەنمەك[يەشمىسى:] «ئىشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىش ئىشلىنىپ بولدى.

ئىشلىق

  • ئىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قىلىدىغان ئىشى بار:[مىسال:] ئىشلىقنىڭ ئىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر(ماقال).

ئىشلىمەك

  • ئىشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىش بىلەن مەشغۇل بولماق، ۋاقىتنى ئىش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزمەك، ئەمگەك قىلماق، مېھنەت قىلماق:[مىسال:] زاۋۇتتا ئىشلىمەك. كۆمۈر كېنىدا ئىشلىمەك. ئېتىزدا ئىشلىمەك. * بوي ئىشلىمەس، قول ئىشلەر (ماقال). * كەمبەغەل ئىشلەپ ھارماس، باي چىشلەپ ھارماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر خىزمەتنى ئۆتىمەك، خىزمەت قىلماق، ئادا قىلماق، بېجىرمەك ياكى مۇلازىمەت قىلماق:[مىسال:] گۈلجەننەت مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشنى، ۋەزىپىنى ھۆددىگە ئالغان ئاساستا ئىش قىلماق:[مىسال:] مەن كېيىنچىرەك مەدەنىيەت-مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدىم.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسە ياسىماق، ياساپ چىقارماق، ھازىرلىماق:[مىسال:] قەغەز ئىشلىمەك. توڭلاتقۇ ئىشلىمەك.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر نەرسىنى، ئىشنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرمەك، ئىجاد قىلماق، ياراتماق، ۋۇجۇدقا چىقارماق:[مىسال:] فىلىم ئىشلىمەك. * چاپلىن ئۆزىنىڭ بۇ خاس ئۇسلۇبى بىلەن 1915-يىلدىن باشلاپ ئوتتۇز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە قىرىق نەچچە كىنو ئىشلىدى.[يەشمىسى:] ⑥ قىلماق، تىكمەك:[مىسال:] كۆڭلەككە كەشتە ئىشلىمەك.[يەشمىسى:] ⑦ ھەرىكەتتە بولماق، رولى بولماق، كارغا كەلمەك:[مىسال:] بۇ ماشىنا ھازىرمۇ ئىشلەيدۇ.⑧ ئۆز فۇنكسىيىسىنى، رولىنى، ئىقتىدارىنى، ۋەزىپىسىنى نورمال جارى قىلماق، ئەسلىدىكى خىزمەت ئىقتىدارىنى ساقلىماق:[مىسال:] كاللىسى ئىشلىمەك. * ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى ئىشلىمەيدۇ.[يەشمىسى:] ⑨ ئەسقاتماق، كارغا كەلمەك، رولى بولماق:[مىسال:] سېنىڭ ھۈنىرىڭ بۇ يەردە ئىشلىمەيدۇ. * ھازىر داۋالاش كىنىشكىسى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] 01 بىرەر ئىش، مەسىلە قاتارلىقلارنى ھازىرلىماق، تەييارلىماق، بېجىرمەك:[مىسال:] تاپشۇرۇق ئىشلىمەك. لايىھە ئىشلىمەك. * بۇ ئوقۇغۇچى بېرىلگەن مەسىلىنى دوسكىغا ئىشلىدى.

ئىشمەك

  • ئىشمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توقۇمنىڭ ئاستىغا ئورتىلغان، سېلىنغان نېپىز قىسمى؛ تەرلىك. [يەشمىسى:] ② قاپقاننىڭ تېگىگە قويىدىغان كىگىز.

ئىشمەك توقۇم

  • ئىشمەك توقۇم[يەشمىسى:] توقۇمنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان نېپىز توقۇم، توقۇمنىڭ تەرلىكى.

ئىش-ھەرىكەت

  • ئىش-ھەرىكەت[يەشمىسى:] ئىش ۋە ھەرىكەت، پائالىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن ياخشى ئادەم ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

ئىش-ئوقەت

  • ئىش-ئوقەت[يەشمىسى:] تىرىكچىلىك، جان بېقىش، تۇرمۇشىنى قامداش يولىدا قىلىنغان ھەرىكەت، ئەمگەك، تىجارەت؛ جاھاندارچىلىق:[مىسال:] باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئىش-ئوقۇت قىلايلى دەپ چىقىۋىدۇق، بۇ يەرگە كەلگەندە كەچ بولۇپ قالدى.

ئىشۋاز

  • ئىشۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشقا بېرىلگەن، داۋاملىق ئىشلەپ تۇرىدىغان ئادەم:[مىسال:] لېكىن مەن ھەر مىللەت چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىشۋازلىرىدىن، دېدى نىزام.

ئىشۋازلىق

  • ئىشۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىشقا بېرىلىپ، كىرىشىپ كېتىش، ھەركۈنى دېگۈدەك باش كۆتۈرمەي ئىشلەش:[مىسال:] ئىشۋازلىق قىلماق.

ئىشىتكۈزمەك

  • ئىشىتكۈزمەك[يەشمىسى:] «ئىشىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىشىتمەك

  • ئىشىتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاۋۇش ئاڭلاش ئورگانىزمى ئارقىلىق قوبۇل قىلماق، ئاڭلىماق:[مىسال:] گەپ ئىشىتمەك، ھاقارەت ئىشىتمەك.[يەشمىسى:] ② قۇلاق سالماق، تىڭشىماق:[مىسال:] بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ دەردىنى كىم ئىشىتمەكچى[يەشمىسى:] ③ ئاڭلاپ خەۋەر تاپماق، بىلمەك، خەۋەردار بولماق، باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزىدىن بىلىۋالماق:[مىسال:] -ئۇزۇندىن بېرى شۆھرەتلىرىنى ئىشىتىپ يۈرىمەن، قانداق قىلىپ تەقدىر-پەلەك سىلەرگە يار بەرمەيۋاتىدۇ-دېدى ئۇ.

ئىشىتىشمەك

  • ئىشىتىشمەك[يەشمىسى:] «ئىشىتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىشىتىلمەك

  • ئىشىتىلمەك[يەشمىسى:] «ئىشىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] باغدا شىپاڭدا ياتقان خېنىمنىڭ قۇلىقىغا ناخشا ئاۋازى ئىشىتىلىپ، بۇرنىغا يۇرتىنىڭ پۇرىقى پۇرىغاندەك بوپتۇ.

ئىشىك

  • ئىشىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆي، خانا، بىنا، ھويلىلارنىڭ كىرىپ-چىقىدىغان يېرىگە ئورنىتىلغان، ئېچىپ-يېپىپ تۇرۇشقا ماسلاشقان قۇرۇلمىسى:[مىسال:] ئۆينىڭ ئىشىكى. ھويلىنىڭ ئىشىكى. ئىشىك قانىتى. ئىشىكنىڭ بوسۇغىسى. * لۇتپۇللا مۇنىرىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر مەقسەتكە يېتىش ۋە بىرەر جايغا بېرىش ئۈچۈن يول ئېچىلغان جاي:[مىسال:] تاتارلار بۇ يۇرتقا كېلىپ مەرىپەت ئىشىكى ئاچتى.

ئىشىكنى تاقىۋېلىش سىياسىتى

  • ئىشىكنى تاقىۋېلىش سىياسىتى[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] بىر دۆلەتنىڭ چەت ئەل بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلماسلىق ئۈچۈن، چىقىش ئېغىزلىرىنى ئېتىش ۋە دۆلەت چېگرىلىرىنى قامال قىلىش ھەققىدە دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزگەن بىر خىل بېكىنمىچىلىك سىياسىتى.

ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى

  • ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىق <[يەشمىسى:] بىر دۆلەتنىڭ چەت ئەل بىلەن تاۋار، تېخنىكا، بايلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن قوللانغان سىياسىتى.

ئىشىك ئۇچى

  • ئىشىك ئۇچى[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئىشىك ئۈستىدىكى تامغا بېلىق سىرتى شەكلىدە چىقىرىلغان نەقىش.

ئىشىكىمىز ئوچۇق

  • ئىشىكىمىز ئوچۇق[يەشمىسى:] «كېلىڭ، قارشى ئالىمىز» دېگەن مەنىلەردىكى ئىبارە:[مىسال:] نېمە ھاجىتىڭىز چۈشسە كېلىۋېرىڭ، ئىشىكىمىز ئوچۇق، -دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

ئىشىكئاغىسى

  • ئىشىكئاغىسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىشىك+ئاغا+سى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] بۇرۇنقى خان ئوردىسىدا تۇرۇپ ئىشىككە قارايدىغان، ئوردا ئىشىكىدىن كىرگەن خاس-ئەمەلدار ۋە باشقىلارنىڭ كىرگەن-چىقىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىدىغان كىشى:[مىسال:] ئابدۇللا بەگچەك - ئوردا ئىشىكئاغىسى، خانغا سادىق، قىرىق ياشلاردىكى كىشى ئىدى.

ئىشىكباقار

  • ئىشىكباقار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىشىك+باقار[[يەشمىسى:] ئىشىككە قارىغۇچى ئادەم:[مىسال:] ئوقۇتقۇچىلار ئىشىكباقارغا كۆز ئىشارىتى بىلەن نېمىلەرنىدۇر كۆرسەتتى.

ئىشىكۋېشى

  • ئىشىكۋېشى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىشىك+باش+ى[[يەشمىسى:] ئىشىك ۋە دېرىزىلەرنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان قىسقا ياغاچ.

ئىشىنەر-ئىشەنمەي

  • ئىشىنەر-ئىشەنمەي[يەشمىسى:] بىر ئىشىنىپ-بىر ئىشەنمىگەن ھالدا، دەرگۇمان، گۇمان بىلەن:[مىسال:] زەينەپ ئىشىنەر-ئىشەنمەي ئۇنىڭغا قارىدى.

ئىغۋا

  • ئىغۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئارىنى بۇزۇش، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان يالغان گەپ-سۆز، ئويدۇرما، بوھتان ۋە شۇ قاتارلىقلار:[مىسال:] ئىغۋا تارقاتماق. ئىغۋا توقىماق. * بۇ ئادالەتسىز ئىش، پەسكەشلىك بىلەن ئويدۇرۇلغان ئىغۋا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېيتقۇسىز ئازابلايتتى.

ئىغۋاچى

  • ئىغۋاچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىغۋا توقۇغۇچى، ئىغۋا پەيدا قىلغۇچى، تارقاتقۇچى ئادەم:[مىسال:] -لېكىنزە، -دېدى دىلەيسىخان ئەزىزخانغا قاراپ، -بۇ ئىغۋاچىنىڭ نىيىتى يامان. ئۇ راسا ئىشلار قىزىۋاتقان چاغدا ئىغۋا چىقارغانىكەن.

ئىغۋاگەر

  • ئىغۋاگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «ئىغۋاچى»غا قاراڭ:[مىسال:] -بىزدە ئىغۋاگەر بىلەن تۆھمەتخورنى جازالاش توغرىسىدا قانۇن تۈزۈلمىگەنىكەن، -دېدى ئەكبەر.

ئىغۋاگەرچىلىك

  • ئىغۋاگەرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەستەن پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇپ تارقىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئارىغا ئارازلىق، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىش ئىشى، قىلمىشى:[مىسال:] ئىغۋاگەرچىلىك قىلماق. ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى.

ئىقبال (ئىقبالى)

  • ئىقبال (ئىقبالى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كېلەچەك؛ بەخت، تەلەي، ئامەت؛ تەقدىر:[مىسال:] ئىشچى، دېھقان، ئىنژېنېر، ئەسكەرلىككە يارايمىز. جاسارەتتە يۈكسىلىپ، ئىقبالغا شاد قارايمىز.

ئىقبالسېرى

  • ئىقبالسېرى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىقبالنى بويلاپ، ئىقبال بويىچە، ئىقبالنى كۆزلەپ:[مىسال:] مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نۇرلۇق كومپاس. ئۇلار مەن كۆرسەتكەن نىشان بويىچە ئىقبالسېرى ئىلگىرىلەيدۇ.

ئىقباللىق

  • ئىقباللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىستىقبالى، كېلەچىكى بار، كېلەچىكى پارلاق، پارلاق ئىستىقبالغا، كېلەچەككە ئىگە:[مىسال:] ئىقباللىق يول. * بىز ئىقباللىق كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتمەكتىمىز.

ئىقتىباس

  • ئىقتىباس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىياتتا، بولۇپمۇ شېئىرىيەتتە باشقىلاردىن پايدىلىنىش ئاساسىدا يېزىلغان ئەسەر:[مىسال:] ئابدىرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «خەلق ماقالىلىرىدىن ئىقتىباسلار» دېگەن شېئىرى 1949-يىل يېزىلغان.

ئىقتىدا

  • ئىقتىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىخلاس، ئىخلاس قىلىش، باش قويۇش؛ ئەگىشىش، دوراش، تەقلىد قىلىش؛ بويسۇنۇش:[مىسال:] ئىقتىدا قىلماق.

ئىقتىدار

  • ئىقتىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① زېھنىي كۈچ، بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورۇنلاش، بەجا كەلتۈرۈش قابىلىيىتى:[مىسال:] ئىقتىدار ئىگىسى. يۈكسەك ئىقتىدار.[يەشمىسى:] ② كۈچ، كۈچ-قۇدرەت، قادىرلىق:[مىسال:] بۇ ماشىنىنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى ئىكەن.

ئىقتىدارسىز

  • ئىقتىدارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىقتىدارى، زېھنىي كۈچى، كۈچ-قۇۋۋىتى يوق ياكى تۆۋەن، ئاجىز:[مىسال:] ئىقتىدارسىز ئادەم. * ئۆتكەندە، ئۇ باشلىق ئىقتىدارسىز دەپ قارىلىپ يۆتكىۋېتىلگەنىدى.

ئىقتىدارسىزلىق

  • ئىقتىدارسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىقتىدارى، زېھنىي كۈچى، كۈچ-قۇۋۋىتى تۆۋەنلىك، ئاجىزلىق:[مىسال:] بۇ ئىش ئۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ، خالاس.

ئىقتىدارلىق

  • ئىقتىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىقتىدارى بار، ئىقتىدارغا ئىگە، ئىقتىدارى يۇقىرى، كۈچلۈك، قابىل:[مىسال:] ئىقتىدارلىق ئادەم. ئىقتىدارلىق سازەندە. * بۇ كىشىلەر ھەرقايسى فاكۇلتېتلاردا ئىشلەيدىغان داڭلىق، ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىدى.

ئىقتىساد

  • ئىقتىساد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى ياكى ئىقتىسادىي تۈزۈم، ئۈستقۇرۇلمىنىڭ بەرپا قىلىنىشىدىكى بازىس.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>س ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ماددىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەقسىم قىلىش ۋە ئىستېمال قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر، يەنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانى. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي نامى ياكى خەلق ئىگىلىكىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، يەنى سانائەت ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىكى، سودا ئىگىلىكى قاتارلىقلار.[يەشمىسى:] ④ ئىىقتىسادشۇناسلىق:[مىسال:] ئىقتىساد ئۆگەنمەك. ئىقتىسادتىن لېكسىيە سۆزلىمەك. ئىقتىسادتىن دەرس بەرمەك.[يەشمىسى:] ⑤ سەرپىيات ۋە خىراجەتتىكى ئېھتىياتكارلىق، تېجەشلىكلىك:[مىسال:] پۇلنى ئىقتىساد قىلماق. ئىقتىساد بىلەن ئىش كۆرمەك.[يەشمىسى:] ⑥ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ياكى كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسى:[مىسال:] ئىقتىسادى ياخشى ئورۇن. ئىقتىسادتا ئارقىدا قالماق. * ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى خېلى ياخشىلىنىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۇل:[مىسال:] ئىقتىسادتا قىينالماق. ئىقتىساد يېتىشمەسلىك.

ئىقتىسادچان

  • ئىقتىسادچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش قىلىدىغان، ئىقتىسادنى تېجەپ ئىشلىتىلىدىغان، ئىقتىسادچىل:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى ئىقتىسادچان بىر كىشى.

ئىقتىسادچانلىق

  • ئىقتىسادچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش قىلىش، ئىقتىسادنى تېجەپ ئىشلىتىش ھالىتى، ئىقتىسادچىللىق:[مىسال:] ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرماق. ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرمەك.

ئىقتىسادچى

  • ئىقتىسادچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مالىيە كەسپىدە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكۈچى كىشى.

ئىقتىسادچىل

  • ئىقتىسادچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېجەشلىك بىلەن ئىش قىلىدىغان، ئىقتىسادچان:[مىسال:] ئىقتىسادچىل ئادەم. تۇرمۇشتا ئىقتىسادچىل بولماق.

ئىقتىسادچىللىق

  • ئىقتىسادچىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېجەشلىك بىلەن ئىش قىلىش ھالىتى، ئىقتىسادچانلىق. [يەشمىسى:] ② ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر داۋامىدا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى سەرپىياتى ۋە ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش جەھەتتىكى تېجەش.

ئىقتىسادشۇناس

  • ئىقتىسادشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىقتىساد ئىلمى مۇتەخەسسىسى.

ئىقتىسادشۇناسلىق

  • ئىقتىسادشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] ① ئىجتىمائىي ماددىي ۋاسىتىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى، تەقسىم قىلىنىشى ۋە ئىستېمال قىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى، قانۇنىيەتلىرى ھەم ئۇنىڭ تەدبىق قىلىنىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇ سىياسىي ئىقتىساد، تارماق ئىقتىسادشۇناسلىقى، دۇنيا ئىقتىسيادشۇناسلىقى، تېخنىكا ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [يەشمىسى:] ② سىياسىي ئىقتىسادنىڭ قىسقارتىلغان نامى.

ئىقتىسادلىق

  • ئىقتىسادلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قول ئىلىكىدە بار، ئىقتىسادى ياخشى، باي:[مىسال:] ئىقتىسادلىق ئائىلە.

ئىقتىسادۋاز

  • ئىقتىسادۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھە دېگەندە ئىقتىساد، مال-دۇنيا، بايلىق يىغىشنىڭلا گېپىنى قىلغۇچى ياكى ئولتۇرسا-قوپسا ئىقتىساد، مال-دۇنيا، بايلىق توپلاشقىلا بېرىلىپ كەتكۈچى كىشى.

ئىقتىسادىي

  • ئىقتىسادىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىقتىسادقا ئائىت، ئىقتىسادقا ئالاقىدار، ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك:[مىسال:] ئىقتىسادىي ياردەم. ئىقتىسادىي زىرائەت. ئىقتىسادىي كرىزىس.

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون

  • ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىقتىساد<[يەشمىسى:] دۆلەت زېمىنىدا بەلگىلىك دائىرە بەلگىلىنىپ، شۇ دائىرىدە ئالاھىدە ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىدىغان، !سانائەت ۋە باشقا ئىقتىسادىي ئىشلار جانلاندۇرۇلىدىغان ئالاھىدە رايون.

ئىقرار

  • ئىقرار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەن ئېلىش، تەن بېرىش، ئۆز ئۈستىگە، بوينىغا ئېلىش، ئېتىراپ قىلىش:[مىسال:] ئىقرار قىلماق. ئىقرار بولماق.

ئىقرارنامە

  • ئىقرارنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، مەسىلە ياكى گۇناھ-قىلمىش قاتارلىقلارنى تەن ئالغانلىقى، ئېتىراپ قىلغانلىقى ھەققىدە يېزىلغان خەت:[مىسال:] بۈگۈن كەچتە قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئىقرارنامىسىنى ماڭا ئەكىلىپ بېرىڭ.

ئىقلىم

  • ئىقلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەملىكەت؛ يەر يۈزىنىڭ بىر بۆلىكى، قىتئە (بۇرۇنقىلار يەر شارىنى يەتتە ئىقلىمغا بۆلگەن):[مىسال:] مۇنداق نەرسە يەتتە ئىقلىمدىمۇ تېپىلمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] مەلۇم رايوننىڭ كۆپ يىللىق ھاۋا رايى ئالاھىدىلىكى.

ئىقلىمىيا

  • ئىقلىمىيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلىغان ۋە سوققاندا ئاجراپ چۈشكەن كىرى. تېبابەتچىلىكتە كۆزنى قۇۋۋەتلەش، كۆزدىكى ئاقنى ئېلىش، پەردىنى، قىچىشقاقلارنى يوقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش. خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىكتى

  • ئىكتى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇۋ، ھىيلىگەر.

ئىكرام

  • ئىكرام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھۆرمەت، ئىززەت، ئىززەت-ھۆرمەت:[مىسال:] نىيىتىڭ بولدىمۇ ھالال يا ھارام، كۆڭلۈڭدە ھۆكۈمران قايسى مۇددىئا، كىملەرگە بىلدۈردۈڭ ئىززەت ۋە ئىكرام، ۋە قايسى روھلارغا ئەيلىدىڭ دۇئا.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئىككى

  • ئىككى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] «2» رەقىمى ۋە شۇ رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن ياكى بىرگە بىرنى قوشقاندا ھاسىل بولغان سان، مىقدار:[مىسال:] ئىككى ئادەم. ئىككى كۆز. ئىككى قول. ئىككىنىڭ بىرى. * ئىككى سەككىز ئون ئالتە (ماقال). * گەپ بىر، قۇلاق ئىككى (ماقال).

ئىككى ئارىلىق بولۇپ قالماق

  • ئىككى ئارىلىق بولۇپ قالماق[يەشمىسى:] ① ئىككى ئارىدا ھەرىكەت قىلماق، ئۇ تەرەپنىمۇ بۇ تەرەپنىمۇ تاشلىۋەتمەسلىك:[مىسال:] بۇ بالا ئىككى ئارىلىق بولۇپ چوڭ بولدى، شۇڭا بەك ئەركە.[يەشمىسى:] ② ئىككى ئارىدا ئارىسالدى بولماق:[مىسال:] يېقىندىن بېرى ئىككى ئارىلىق بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭغا قارىسام بۇ قالىدۇ، بۇنىڭغا قارىسام ئۇ.

ئىككى ئالەم

  • ئىككى ئالەم[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي ئەركان بويىچە ئىككى دۇنيا، يەنى ياشاۋاتقان دۇنيا بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى دۇنيا:[مىسال:] -ھەربىر كىشى ئىككى ئالەمنىڭ غېمىنى قىلىشى كېرەك، -دېدى ئەلەم ئاخۇنۇم. *-مەن يامان ئىش قىلمىدىم، ئىككىلا ئالەمدە ئەڭ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ يولىغا كىردىم، دېدى سوتۇق.

ئىككى باشنى بىر قىلىپ قويماق

  • ئىككى باشنى بىر قىلىپ قويماق[يەشمىسى:] قىز بىلەن يىگىتنىڭ تويىنى قىلىپ ئىككىسىنى بىر ئائىلە قىلماق، بېشىنى بىر قىلىپ قويماق:[مىسال:] ئۇنىڭغا ھازىرغىچە سەنچىلىك بىر لايىق كىشى چىققىنى يوق، مەن ئىككىڭلارنىڭ بېشىنى بىر قىلىپ قويۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەنىدىم.

ئىككى بىسلىق

  • ئىككى بىسلىق[يەشمىسى:] ① ئىككى تەرىپىدە بىسى بار، ئىككى بىسى بولغان:[مىسال:] مەن ئاتتىن چۈشۈپ قاشقىر باينىڭ مىلتىقى بىلەن ئىككى بىسلىق خەنجىرىنى قار ئىچىدىن ئېلىپ:[مىسال:] -يولداشلار، مانا بۇلار ئۇنىڭ نەشتىرى، -دېدىم.[يەشمىسى:] ② ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە، ئىككى يۈزلۈك، ئىككى تەرەپلىمىلىك، ئۇ يانغىنمۇ-بۇ يانغىمۇ ياتىدىغان:[مىسال:] ئىككى بىسلىق گەپ. * بۇ لەقەمنىڭ ئىككى بىسلىق مەنىسى بار.

ئىككى پاختەكنى بىر چالمىدا سوقماق

  • ئىككى پاختەكنى بىر چالمىدا سوقماق[يەشمىسى:] پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەر ئىككىلا ئىشنى بىر قېتىمدىلا ئورۇندىماق:[مىسال:] سۇ چىقىرىش تومىسىنى ھەم سۇ چىقىرىش، ھەم سۇ تەڭشەش تومىسى قىلىپ پايدىلانغاندا، ئىككى پاختەكنى بىر چالمىدا سوققاندەك ئىش بولىدۇ. بۇ بىر كەشپىيات.

ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلماق

  • ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلماق[يەشمىسى:] تازا ئەدىپىنى يېمەك، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشمەك:[مىسال:] ھازىر سىلەرنىڭ ئىككى پۇتۇڭلار بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ قالدى.

ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق

  • ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق[يەشمىسى:] ئۆمۈرنىڭ ساناقلىق ۋاقتى قالماق، قېرىپ كەتمەك:[مىسال:] قېرى كالا پىچاقتىن قورقماپتۇ دېگەندەك نېمىدىن قورقاتتىم، قېرىدىم، ئىككى پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى.

ئىككى پۇتى ئۆرە قالماق

  • ئىككى پۇتى ئۆرە قالماق[يەشمىسى:] ھەددىدىن ئارتۇق خاپىلىق، ئاچچىقلىنىش ياكى ھاڭ-تاڭ قېلىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇپ، ئىككى پۇتى ئۆرە قالغانلارمۇ بار.

ئىككى پۇل

  • ئىككى پۇل[يەشمىسى:] ھەممىسى بىر تىيىن، ئەرزىمەس:[مىسال:] ھەممىسى قۇرۇسۇن، ئىككى پۇل، مەن ساڭا قول قويدۇم ئاغىنە، دېدى سادىق ئۇنىڭ قوللىرىنى ئىككى قوللاپ چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ.

ئىككى پۇلغا ئالمايدۇ

  • ئىككى پۇلغا ئالمايدۇ[يەشمىسى:] بەك ئەرزان، ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ:[مىسال:] بىزنىڭ مۆھۈرلىرىمىزنى دات باسىدۇ، ساتساق مىسقال تۆمۈرنى ھېچ كىشى ئىككى پۇلغا ئالمايدۇ.

ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا يانجىلماق

  • ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا يانجىلماق[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىينالماق، تەڭلىكتە قالماق:[مىسال:] ئۇ راستتىنلا ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا يانجىلىۋاتاتتى.

ئىككى تايىن

  • ئىككى تايىن[يەشمىسى:] ئېنىق ئەمەس، ناتايىن:[مىسال:] ئۇ كېلەمدۇ، كەلمەمدۇ، تېخى ئىككى تايىن.

ئىككى تايىن بولماق

  • ئىككى تايىن بولماق[يەشمىسى:] ئارىسالدى بولماق، ئىككىلەنمەك:[مىسال:] شىرمۇھەممەت ئىككى تايىنراق بولۇپ، ئالماسقا ئەگەشتى.

ئىككى تۇغقان

  • ئىككى تۇغقان[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن بىر نەۋرە:[مىسال:] گېنېرالنىڭ ئىككى تۇغقان ئاچىسى شۇ زاماتلا ئارغىماق قوشۇلغان ياسىداق مەپىسىنى ئۇنۋانلىق مەسلىھەتچىنىڭ خوتۇنىنى ئەكېلىشكە ئەۋەتتى.

ئىككى تىللىق

  • ئىككى تىللىق[يەشمىسى:] ① ئىككى خىل تىل بىلىدىغان:[مىسال:] ئۇ ساقال-بۇرۇت قويۇۋالغان، خۇش پىچىم، ئىككى تىللىق سۆزمەن ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ② كۆڭلىدە ئىككى نىيەت ئويلايدىغان، ئىككى كىشىگە ئىككى خىل گەپ قىلىدىغان؛ تىلى باشقا، دىلى باشقا:[مىسال:] ئىككى تىللىق كىشىدىن خۇدا ساقلىسۇن.

ئىككى دۇنيا

  • ئىككى دۇنيا[يەشمىسى:] ① بۇ دۇنيا ھەم ئۇ دۇنيا؛ مەڭگۈ:[مىسال:] -ئىككى دۇنيا سەن ئادىلەدەك دوستۇم يوق-دېدىم مەن خېتىمدە ئۇنىڭغا. * ئۆلگەنلەرنىڭ مەدەتكارلىقى، تىرىكلەرنىڭ دۇئاسى بۇ يىگىتنىڭ كېسىلىگە شىپا، ھاياتىغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلىپ، ئىككىلا دۇنيا ئەزىز قىلغۇسى.[يەشمىسى:] ② ھەر جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ:[مىسال:] ئادىل بىلەن مەمەتنى بىلىم، ئەخلاق، خۇلق جەھەتتىن ئوخشايدۇ دەيسەن، مېنىڭچە ئىككىسى ئىككى دۇنيا.

ئىككى دۇنيا بولۇشۇپ كەتمەك

  • ئىككى دۇنيا بولۇشۇپ كەتمەك[يەشمىسى:] مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلمەك، تونۇشمايدىغان دەرىجىگە يەتمەك، مەڭگۈ دۈشمەنلەشمەك:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر نەۋرە ئاكىسى بىلەن ئىككى دۇنيا بولۇشۇپ كەتتى.

ئىككى دۇنيالىق

  • ئىككى دۇنيالىق[يەشمىسى:] بۇ دۇنيالىق ھەم ئۇ دۇنيالىق:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرىگە ۋاپاسىزلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ئىككى دۇنيالىق قەسەم ئىچىشكەنىكەن.

ئىككى سەككىز ئون ئالتە

  • ئىككى سەككىز ئون ئالتە[يەشمىسى:] ئاخىرقى ھېسابتا بەرىبىر ئوخشاش، بىرلا گەپ.

ئىككى قوشۇقتا ئاش ئىچكۈدەك بولماق

  • ئىككى قوشۇقتا ئاش ئىچكۈدەك بولماق[يەشمىسى:] ئالدىراشچىلىق ئىچىدە تۇرماق:[مىسال:] ئۇ خۇددى ئىككى قوشۇقتا ئاش ئىچكۈدەك بولغان ئالدىراشلىق بىلەن خامان ئېلىۋاتقان تومۇز كۈنلەر ئىدى.

ئىككى قول

  • ئىككى قول[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپلىمىلىك، ھەر ئېھتىمالنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئىككى يۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە:[مىسال:] -قانداقلا بولسۇن بىزمۇ چېرىك كۈچلىرىمىزنى كۈچەيتسەك بولىدۇ، -دېدى توغرۇل سۇباشى، -ئەگەر دۈشمەن ئىككى قول ھۇجۇم قىلسا، بىزمۇ ئىككى قول تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

ئىككى قولدا تۇتماق

  • ئىككى قولدا تۇتماق[يەشمىسى:] بىرلا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ھەر ئىككىلا ئىشنى ئوخشاش ئېلىپ بارماق، چىڭ تۇتماق:[مىسال:] ئىككى قولدا تۇتۇش بىر قولدا يېنىك سانائەت، توقۇمچىلىق سانائىتىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا ئېغىر سانائەتنى تۇتۇش لازىم.

ئىككى قولغا تايانماق

  • ئىككى قولغا تايانماق[يەشمىسى:] ئۆز ئەمگىكىگە، ئۆز كۈچىگىلا تايىنىپ ئىش قىلماق، ئۆزىدە بار بولغان ئىمكانىيەتلەردىنلا پايدىلانماق:[مىسال:] يېڭىيەر ئۈزۈمچىلىك يېزىسىدىكى دېھقانلار ئىككى قولغا تايىنىپ بېيىدى.

ئىككى قوللاپ

  • ئىككى قوللاپ[يەشمىسى:] ① ئىككى قولىنى تەڭلا ئىشقا سېلىپ:[مىسال:] سوپى دېھقان ئىچ يانچۇقىدىن خەتنى ئېلىپ مىرغەزەپكە ئىككى قوللاپ سۇندى.[يەشمىسى:] ② خۇشال-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن:[مىسال:] مەسلىھەتچى ئاغابىنىڭ تاغ ئارقىسىدىكى دوستىنىڭ ئىككى قوللاپ قارشى ئېلىشىغا ئىگە بولدى.

ئىككى قوللۇق

  • ئىككى قوللۇق[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان، ئىككى خىل:[مىسال:] بىز بۇ جەھەتتە جەزمەن ئىككى قوللۇق تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك.

ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ

  • ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ[يەشمىسى:] قۇرۇق، قۇرۇق قول، قولىغا ھېچنېمە ئالماي:[مىسال:] ئۇ ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپ كەتكەن، مانا ئەمدى ئىككى قولىنى بۇرنىغا تىقىپ كەپتۇ.

ئىككى قۇتۇپ

  • ئىككى قۇتۇپ[يەشمىسى:] ①>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئانود ۋە كاتوددىن ئىبارەت ئىككى ئېلېكتر قۇتۇپى ياكى ماگنىتنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىي ئىككى قۇتۇپى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قارىمۇقارشى ئىككى تەرەپ:[مىسال:] ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنمەك. ئىككى قۇتۇپ قارىمۇقارشىلىقى.

ئىككى كۆزى تۆت بولماق

  • ئىككى كۆزى تۆت بولماق[يەشمىسى:] قاتتىق ئىنتىزار بولماق، كۆرۈشكە ئالدىرىماق:[مىسال:] ئۇ سېنى كۈتۈپ، ئىككى كۆزى تۆت بولدى.

ئىككى كۈنلۈك ئۆمرى قالماق

  • ئىككى كۈنلۈك ئۆمرى قالماق[يەشمىسى:] بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق؛ ئۆمرىنىڭ ساناقلىق كۈنلىرى قالماق:[مىسال:] مەن قېرى ئادەم، ئىككى كۈنلۈك ئۆمرۈم قالدى، دېدى لى دارېن.

ئىككى كۈننىڭ بىرىدە

  • ئىككى كۈننىڭ بىرىدە[يەشمىسى:] پات-پاتلا، دائىم دېگۈدەك:[مىسال:] كومىسسىيونچى ئىككى كۈننىڭ بىرىدە ئاغىنىلىرى بىلەن ياكى ئۆزىمۇ خىل سوغىلارنى ئەكىلىپ گۈزەلئاينىڭ ئۆيىدە «ئولتۇرۇش» قىلىپ، گۈزەلئاينى بىزار قىلىۋەتكەنىدى.

ئىككى كېمىگە دەسسىمەك

  • ئىككى كېمىگە دەسسىمەك[يەشمىسى:] ئىككى تەرەپتە تەڭ تۇرماق، ھەر ئىككى تەرەپنى قولدىن بەرمەسلىك:[مىسال:] ئىككى كېمىگە دەسسىگەن ئادەم ھامىنى زىيان تارتىدۇ.

ئىككى گەپنىڭ بىرىدە

  • ئىككى گەپنىڭ بىرىدە[يەشمىسى:] سۆزلىشىۋاتقاندا پات-پاتلا، قايتا-قايتىلاپ:[مىسال:] ئۇ ئىككى گەپنىڭ بىرىدە شۇ قىزنى ئەكىلىپ بەرگىن دەيتتى.

ئىككى موك بولۇپ قالماق

  • ئىككى موك بولۇپ قالماق[يەشمىسى:] تۈگۈلۈپ قالماق، مۈكچىيىپ پۈكۈلمەك:[مىسال:] مەن يېقىن بېرىپ قارىسام، ئۇ ئىككى موك بولۇپ قاپتۇ.

ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ چالماق

  • ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ چالماق[يەشمىسى:] ئازغىنا پۇل-مالغا ئىگە بولۇشى بىلەن تەڭلا بەتخەجلىك قىلماق:[مىسال:] ئۇ شۇنداق نېمە، ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ چالىدۇ، شۇڭا، ئىشتىنى ئىككى بولماي كېتىۋاتىدۇ.

ئىككى ئېغىز گەپ

  • ئىككى ئېغىز گەپ[يەشمىسى:] قىسقا، قىسقىلا:[مىسال:] ئىككى ئېغىز گەپ.

ئىككى ئىشتاننى بالدۇر يىرتقان

  • ئىككى ئىشتاننى بالدۇر يىرتقان[يەشمىسى:] باشقا بىرىگە نىسبەتەن ياشقا چوڭ، تەجرىبىسى جىق:[مىسال:] ئۇكام گەپ ئاڭلا، مەن سەندىن ئىككى ئىشتاننى بالدۇر يىرتقان.

ئىككى ياقلىما

  • ئىككى ياقلىما[يەشمىسى:] ھەر ئىككىلا تەرەپكە مايىل، ھەر ئىككى تەرەپكە تايىن، ئىككى تەرەپلىمە:[مىسال:] ئىككى ياقلىما ھايات كەچۈرگۈچى پارازىتلار.

ئىككى ياقلىمىلىق

  • ئىككى ياقلىمىلىق[يەشمىسى:] ① ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئېغىش، بىردە ئۇ يانغا، بىردە بۇ يانغا مايىل بولۇش، ھەر ئىككىلا تەرەپنى تەڭ قولدىن بەرمەي تۇرۇش خاھىشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلەس<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدىكى زىددىيەتلىك خاراكتېر.

ئىككى يانغا قارىماق

  • ئىككى يانغا قارىماق[يەشمىسى:] ① نېمە دېيىشىنى، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالماق؛ بىر قارارغا كېلەلمەي قالماق:[مىسال:] سىلەرنىڭ قايسى بىرىڭلاردا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئۇسۇل-چارە بولسا ئۇنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇڭلار ھازىر ئىككى يانغا قارايدىغان ۋاقىت ئەمەس.[يەشمىسى:] ② بىركىمگە قىسىنىپ قالماق:[مىسال:] ئاشنى ئاغزىمغا ئېلىشىم بىلەن بالىلىرىم يادىمغا كېلىپ ئىككى يېنىمغا قاراپ قالدىم.

ئىككى يۈزلىمە

  • ئىككى يۈزلىمە[يەشمىسى:] كىشىگە ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدىغان:[مىسال:] ئىككى يۈزلىمە ئادەم. * ھازىر جەمئىيەتتە ئىككى يۈزلىمە كىشىلەر بەك كۆپىيىپ كەتتى.

ئىككى يۈزلىمىچى

  • ئىككى يۈزلىمىچى[يەشمىسى:] ئىككى يۈزلىمىلىك قىلغۇچى:[مىسال:] بۇ ھۆكۈمەتكە ئالدامچى، ھىيلىگەر، ئىككى يۈزلىمىچى شېڭ شىسەي باشلىق بولۇۋالغان.

ئىككى يۈزلىمىلىك

  • ئىككى يۈزلىمىلىك[يەشمىسى:] كىشىلەرگە ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل مۇئامىلە قىلىش:[مىسال:] ئىككى يۈزلىمىلىك ئىنسان ئۈچۈن رەزىل ئىللەت.

ئىككىقات

  • ئىككىقات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ئىككى+قات[[يەشمىسى:] ھامىلىدار بولغان، ھامىلىدار، ئېغىرئاياغ:[مىسال:] ئىككىقات ئايال. ئىككىقات بولماق.

ئىككىلەمچى

  • ئىككىلەمچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر جەريان ياكى ھادىسىدە ئىككىنچى ئورۇننى تۇتقان، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان؛ ئىككىنچى.[يەشمىسى:] ② ئىككىنچى قېتىم شەكىللەنگەن؛ ۋاسىتە ھاسىل قىلىنغان:[مىسال:] ئىككىلەمچى كان ياتمىسى.

ئىككىلەندۈرمەك

  • ئىككىلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ئىككىلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ گېپى مېنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى.

ئىككىلەنمەك

  • ئىككىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىككى خىيال بولماق، قەتئىي بىر پىكىرگە كېلەلمەي ئارىسالدى بولماق، تەۋرەنمەك:[مىسال:] ئامىنە سەل ئىككىلەندى-يۇ، شۇ ھامان قەتئىي قارارغا كېلىپ ئىشىكىنى ئاچتى-دە، كوچىغا چىقىپ كەتتى.

ئىككىلىك

  • ئىككىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىككى بارماق قېلىنلىقىدىكى:[مىسال:] سۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىك مۇز تۇتۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىككىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىككىدىن ئىبارەت بولغان:[مىسال:] ئىككىلىك سان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىككى يەنى «2» رەقىمى چۈشۈرۈلگەن، يېزىلغان (قارتا ھەققىدە):[مىسال:] ئىككىلىك تاپان. ئىككىلىك قاغا. تاپاننىڭ ئىككىلىكى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىككى مىسرالىق شېئىر، مەسنەۋى (شېئىر ھەققىدە).

ئىككىنچى

  • ئىككىنچى[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ① تەرتىپ ئورنى 2 رەقىمى بىلەن بەلگىلەنگەن؛ نومۇرى 2 بولغان:[مىسال:] ئىككىنچى ئۆي. ئىككىنچى كارىۋات. ئىككىنچى قاتار.[يەشمىسى:] ② مەلۇم تەرتىپ بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەڭ ئالدىدىكىدىن كېيىنكى ئورۇندا تۇرغان ياكى تۇرىدىغان، بىرىنچىدىن كېيىنكى:[مىسال:] ئىككىنچى سىنىپ. مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولماق.[يەشمىسى:] ③ قايتا، قايتىدىن، باشقا مەرتە:[مىسال:] بۇ گەپنى بۈگۈن بىر قىلدىڭ، بۇندىن كېيىن ئىككىنچى قىلما.[يەشمىسى:] ④ باشقا، يەنە بىر:[مىسال:] چۈنكى بىر ئادەم ئۆزى بىلگەن بىر ئىشنى ئىككىنچى بىر ئادەمگە خۇددى ئۆزى چۈشەنگەندەك ياكى ئۆزى تەسىرلەنگەندەك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسە، خۇشاللىق ھېس قىلىشى تەبىئىي.

ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى

  • ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ سۈنئىي سەييارە سۈپىتىدە قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن تېزلىك. بۇ بولىدۇ. بۇ تېزلىكتە جىسىم قۇياشنى چەمبەر مەركىزى قىلغان ھالدا چەمبەرلىك ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئىككىنچى ئاي

  • ئىككىنچى ئاي[يەشمىسى:] «فېۋرال»غا قاراڭ.

ئىككىنچى جۇ

  • ئىككىنچى جۇ[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دېھقانلار كالېندارى بويىچە قىشلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىش مەۋسۈمى كىرگەندە توققۇز كۈندىن ھېسابلىنىدىغان توققۇز جۇنىڭ ئىككىنچىسى. ئۇ مىلادىيە ھېسابىدا 31-دېكابىر ياكى 1-يانۋاردىن باشلىنىپ، 8-يانۋاردىن 10-يانۋار ئارىلىقىدا ئاخىرلىشىدۇ.

ئىككىنچىدىن

  • ئىككىنچىدىن[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] جۈملىدە ساناپ ئۆتۈلىدىغان دەرس، لېكسىيە، نۇتۇق، ۋەقە-ھادىىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىككىنچىسىنى كۆرسىتىپ، «ئىككىنچىسى شۇكى، يەنە بىرى شۇكى» دېگەنگە ئوخشاش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ يېزىنىڭ بىرىنچىدىن تۇپرىقى ناچار، ئىككىنچىدىن سۈيى قىس.

ئىككىنچىلەپ

  • ئىككىنچىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] باشقا قېتىم، قايتا؛ قەتئىي، ھەرگىز:[مىسال:] مەن ساڭا بېرەي، بۇندىن كېيىن ساڭا ئىككىنچىلەپ مۇنداق سۆزنى قىلمايمەن.

ئىككىنچىلىك

  • ئىككىنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەرتىپ ئورنى 2 رەقىمى بىلەن بەلگىلىنىش، نومۇرى 2 بولۇش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] مۇسابىقىدىكى چېمپىيوندىن كېيىن تۇرىدىغان نام:[مىسال:] ئىككىنچىلىكنى ئالماق. ئىككىنچىلىككە ئېرىشمەك.

ئىككىيلەن

  • ئىككىيلەن[سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] ئىككى ئادەم، ئىككى كىشى:[مىسال:] مۇھەممەت ئىمىن ھويلىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن بىر-بىرىگە ئۈن-تىنسىز تىكىلىپ تۇرۇشتى.

ئىكىر-چىكىر

  • ئىكىر-چىكىر[يەشمىسى:] ئۇششاق-چۈششەك، ئۇجۇر-بۇجۇر:[مىسال:] بەزى ئىشلارنىڭ ئىكىر-چىكىرىنى بىلمەك بەك تەس ئىكەن.

ئىكىرلىك

  • ئىكىرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەرد، مۇڭ، رەنج، ئەلەم.

ئىكىندى

  • ئىكىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دىگەر ۋاقتى.

ئىگە

  • ئىگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قولىدىكى، ئىختىيارىدىكى نەرسىگە ئىگىلىك قىلغۇچى، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن پايدىلانغۇچى؛ خوجايىن:[مىسال:] مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك (ماقال). * ئىتنىڭ پەيلى ئىگىسىگە مەلۇم (ماقال). دۆلىتىمىز زور تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ خەۋىرى بايان قىلىدىغان ئوبيېكت، يەنى كىم ياكى نېمە دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان جۈملە بۆلىكى.[يەشمىسى:] ③ (تەۋەلىكⅠشەخس قوشۇمچىسى «-م» بىلەن كېلىپ) خۇدا، تەڭرى:[مىسال:] بۇ ئىشنى ياراتقان ئىگەم ئۆزى بىلىدۇ.

ئىگە-چاقا

  • ئىگە-چاقا[يەشمىسى:] ئىگە بولغۇدەك، ئىگە بولىدىغان كىشى:[مىسال:] ئۇ خۇددى ئىگە-چاقىسى يوق ئادەمدەك كوچىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئولتۇراتتى.

ئىگە-چاقىسىز

  • ئىگە-چاقىسىز[يەشمىسى:] ① ئىگە-چاقىسى، يۆلەنچۈكى يوق:[مىسال:] ئىگە-چاقىسىز بالا. ئىگە-چاقىسىز بوۋاي. * شۇنىڭ بىلەن ئىگە-چاقىسىز قالغان تاشۋاي دادىسىدىن قالغان چولاق راۋابىنى چېلىپ، ئاچ-يالىڭاچ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② ئىگىسى يوق، تاشلاندۇق:[مىسال:] ئىگە-چاقىسىز ئۆي.

ئىگەكىم

  • ئىگەكىم [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] پېئىلدىن ئاڭلىتىلغان ئىش-ھەرىكەت نەتىجىسىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] چاقچاق، چاقچاققىمۇ يىغلامسەن، ئىككىنچى چاقچاق قىلمايمەن، قىلسام، ئۆلەي، ئىگەكىم.

ئىگرېك

  • ئىگرېك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① لاتىن ئالفاۋىتىدىكى ئاخىرقى ھەرپنىڭ ئالدىدىكى «لا»ھەرپىنىڭ نامى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] شۇ ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن نامەلۇم ئىپادە.

ئىگىچە

  • ئىگىچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاچا، ھەدە:[مىسال:] -بۇ مېنىڭ ئىگىچەم بولىدۇ، -دەپ تونۇشتۇردى ئۇ ئايالنى ماڭا.

ئىگىدار

  • ئىگىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىگە بولغۇچى، ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى، ئىگە:[مىسال:] شۇنىڭ بىلەن جاڭگالغا ئايلىنىپ قالغان «ئاق يەر» نىڭ كەلگۈسىدىكى ئىگىدارىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئاتا بۇ ئەقلىدىن ئازغان ئادەمگە تاپشۇردى.

ئىگىدارچىلىق

  • ئىگىدارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىگە بولۇش، باشقۇرۇش، ئىگىلىك:[مىسال:] ئىگىدارچىلىق قىلماق.

ئىگىدارلىق

  • ئىگىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ① ئىگىدارچىلىق.[يەشمىسى:] ② مۈلۈككە بولغان ئەمەلىي كونتروللۇق:[مىسال:] كونترول قىلغۇچى ئىگىدارلىق قىلغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ، كونترول قىلىنغان مۈلۈك ئىگىدارلىقىدىكى مۈلۈك دېيىلىدۇ. ئىگىدارلىقتىكى مۈلۈككە بولغان بارلىق ھوقۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقى دېيىلىدۇ.

ئىگىسىز

  • ئىگىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىگىسى يوق، ئىگىسى بولمىغان:[مىسال:] ئىگىسىز مۈلۈك. ئىگىسىز مال.

ئىگىسىزلىك

  • ئىگىسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىگىسى يوق، ئىگىسى بولمىغان ھالەت:[مىسال:] تارىغچىلار ئىگىسىزلىكتىن ئىگىلىكلىكە ئايلاندى. چېرىكلەر يەر، مالدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى.

ئىگىلەتمەك

  • ئىگىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئىگىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇئەللىملەر ئەستە قالدۇرۇش جەريانىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىپ، ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

ئىگىلەشمەك

  • ئىگىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىگىلىشمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇرۇندىن تارتىپ سىنىپتا ناچار بولۇپ كېلىۋاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلار بىرلا سەكرەپ «ئىلغار»، «قىزىل قەلبلىك سولچى» ناملىرىنى ئىگىلەشتى.

ئىگىلەنمەك

  • ئىگىلەنمەك[يەشمىسى:] «ئىگىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆي-جاي سېلىشقا بولىدىغان بوش يەرلەر ئاللىقاچان باشقىلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ كەتكەنىدى.

ئىگىلىك

  • ئىگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىگە بولۇش، ئىگىدارچىلىق:[مىسال:] بۇ يەرلەر ئەمدى مېنىڭ ئىگىلىكىمدە بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئىقتىساد، بايلىق:[مىسال:] ئىگىلىك تىكلىمەك. ئىگىلىك باشقۇرماق. * بىز بۇ يەرگە كېلىپ، قۇرۇق قول بىلەن ئىگىلىك تىكلىدۇق.

ئىگىلىك باشقۇرۇش

  • ئىگىلىك باشقۇرۇش[كەسىپ تۈرى:]>سىياسىي ئىق<[يەشمىسى:] ① ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانى (جۈملىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئالماشتۇرۇش، ئىستېمال ھالقىلىرى) ئۈستىدە ئېلپ بېرىلغان تەشكىلاتچىلىق، قوماندانلىق، نازارەتچىلىك ۋە تەڭشەش ئىشلىرى.[يەشمىسى:] ② كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇيۇشتۇرۇش جەريانىدا تۈزگەن تەدبىرى ۋە بازارنى ئالدىن مۆلچەرلەش ھەم تەدبىرنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قوللانغان ئۇسۇلى ۋە تۇتقان يولى.

ئىگىلىك كېلىش

  • ئىگىلىك كېلىش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] كېلىش كاتېگورىيىلىرىنىڭ بىرى، يەنى بەلگىلىك گرامماتىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تەۋەلىگۈچى شەيئى ئىكەنلىكىنى، جۈملىدە كۆپىنچە ئېنىقلىغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان كېلىش. ئۇيغۇر تىلىدا ئىگىلىك كېلىش شەكلى ئىسىملارغا «-نىڭ» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

ئىگىلىك ھوقۇقى

  • ئىگىلىك ھوقۇقى[كەسىپ تۈرى:]>تاشقى ئىشلار<[يەشمىسى:] بىر دۆلەتنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىدە ئىگە بولغان ئالىي ھوقۇقى. دۆلەت مۇشۇ ھوقۇققا ئاساسەن، ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ، ھەرقانداق تاشقى مۇداخىلىگە ئۇچرىمىغان ھالدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئىگىلىمەك

  • ئىگىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىگە بولماق، قولغا كىرگۈزمەك، ئىشغال قىلماق:[مىسال:] ئۆيدىكى ئاتا-ئانىدىن قالغان مۈلۈكلەرنى ئۇ ئىگىلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاپلىماق، چۇلغىماق، باسماق، ئەكس ئەتمەك:[مىسال:] ھاياتتىن، كىشىلەردىن بىزار بولۇشتەك بىر خىل تۇيغۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىگىلىدى.[يەشمىسى:] ③ تەشكىل قىلماق، تەشكىل تاپماق، تۇتماق:[مىسال:] بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىڭ تۇتماق:[مىسال:] پۇرسەت ئىگىلىمەك، پەيت ئىگىلىمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چۈشەنمەك، ئۇقماق، بىلمەك:[مىسال:] ئەھۋال ئىگىلىمەك.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆگەنمەك، ئۆگىنىۋالماق، بىلىۋالماق، ئۆزلەشتۈرمەك؛ ئالماق:[مىسال:] بىلىم ئىگىلىمەك. تېخنىكا ئىگىلىمەك. چەت ئەل تىلىنى ئىگىلىمەك.

ئىڭە

  • ئىڭە[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] يېڭى تۇغۇلغان بالا يىغلىغاندا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] بوۋاق ئىڭە قىلىپ يىغلىشىغىلا ئانا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئەمچەك سالدى.

ئىڭەلىمەك

  • ئىڭەلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىڭە-ئىڭە قىلماق، ئىڭە-ئىڭە قىلغان يىغا ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئىككى ئايلىق بالا ئىڭەلەپ يىغلاپ ئانىنى ئالدىراتتى، ئانا تاماقنى بۇرنىغا يېگەندەك بولدى.

ئىڭە-ئىڭە

  • ئىڭە-ئىڭە[يەشمىسى:] «ئىڭە» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بۆشۈكتىكى بوۋاقنىڭ ئىڭە-ئىڭەسى مېنى ئويغاتتى.

ئىڭراتماق

  • ئىڭراتماق[يەشمىسى:] «ئىڭرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىڭراشماق

  • ئىڭراشماق[يەشمىسى:] «ئىڭرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىڭراق

  • ئىڭراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىڭرايدىغان، ئىڭراپ چىقىدىغان:[مىسال:] كېسەل ياتقان دادام ماڭا ئىڭراق ئاۋازى بىلەن نەسىھەت قىلغىلى تۇردى.

ئىڭرىماق

  • ئىڭرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىڭرىغان ئاۋاز چىقارماق، قىينالغان ھالدا ئىنچىكە ۋارقىرىماق، نالە قىلماق:[مىسال:] بالا كېسەل ئازابىدىن ئىڭرايتتى.

ئىڭغىرچاق

  • ئىڭغىرچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] لىڭگىرچاق.

ئىڭگىلىك

  • ئىڭگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زىرە، ھالقا.

ئىلاج

  • ئىلاج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئامال، چارە، تەدبىر؛ ئىمكان:[مىسال:] ئىلاجى يوق. ئىلاج قىلماق. ئىلاج تاپماق. ئىلاج قانچە.

ئىلاجسىز

  • ئىلاجسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلاجى، چارىسى، ئىمكانى يوق، نائىلاج، چارىسىز:[مىسال:] ئىلاجسىز ئەھۋال. ئىلاجسىز قالماق.* قازى ئىلاجسىز ماقۇل بولۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا سوراق قىلماقچى بوپتۇ.

ئىلاجسىزلىق

  • ئىلاجسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلاجى، چارىسى، ئىمكانى يوق ھالەت، چارىسىزلىق، نائىلاجلىق:[مىسال:] مەن بۇ كىشىنىڭ دېھقان ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئىلاجسىزلىق مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى پەملىدىم.

ئىلاھ

  • ئىلاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] دىن ۋە ئەپسانىلەردە ماددىي دۇنيانىڭ تەبىئەتتىن تاشقىرى تۇرىدىغان، ئادەملىك سۈپەتكە ۋە ئاڭغا ئىگە بولغان ئىگىسى دەپ قارىلىدىغان مەۋجۇتلۇق — خۇدا، تەڭرى. ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىش ۋە چوقۇنۇش ھەممە دىننىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىلاھا-ئامىن

  • ئىلاھا-ئامىن[يەشمىسى:] قولنى دۇئاغا كۆتۈرگەندە ياكى سەدىقە تىلىگەندە قوللىنىلىدىغان، دۇئا-تىلاۋىتىنىڭ ئاللاغا يېتىشىنى تەلەپ قىلىپ ئېيتىلىدىغان تىلەك سۆزى.

ئىلاھا-ئامىنغا كەتمەك

  • ئىلاھا-ئامىنغا كەتمەك[يەشمىسى:] بىكىرىغا كەتمەك، بىكىرىغىلا يوقىماق:[مىسال:] بىزنىڭ دۈيدىن ئۈچ توننا نەشپۈت ئىلاھا-ئامىنغا كەتتى.

ئىلاھە

  • ئىلاھە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] كۆپ خۇدالىق دىنلاردىكى ئايال كىشى قىياپىتىدىكى خۇدا، سەنەم، مەبۇدە:[مىسال:] ئۇ يەردىكى ھەممە سەت ئاياللارمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە، قانداقتۇر، ھۆر-پەرى ۋە ئىلاھەلەردەك كۆرۈنەتتى.

ئىلاھچىلىق

  • ئىلاھچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلاھقا چوقۇنۇش، ھەممىنى ئىلاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بولىدۇ دەپ قاراش.

ئىلاھسىزلىق

  • ئىلاھسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ھەممە دىنىي ئېتىقاد ۋە جىن-شەيتان توغرىسىدىكى خۇراپاتلىقلارنى ئىنكار قىلىدىغان تەلىمات. ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ماتېرىيالىزم.

ئىلاھىي

  • ئىلاھىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خۇداغا، ئىلاھىيەتكە ئائىت، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە باغلىق:[مىسال:] ئىلاھىي كۈچ.

ئىلاھىيەت

  • ئىلاھىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] خۇدا ۋە دىن ئەقىدىلىرى ھەققىدىكى دىنىي تەلىماتلار يىغىندىسى، يەنى تەڭرىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى مەزمۇن قىلغان پەلسەپىنىڭ بىر تارمىقى.

ئىلاھىيەتچىلىك

  • ئىلاھىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇدا، دىن ۋە دىنىي ئەقىدىلەر توغرىسىدىكى تەلىماتلارغا چوقۇنۇش كەيپىياتى، ئادىتى.

ئىلاھىيەتشۇناس

  • ئىلاھىيەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلاھىيەتنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان، ئىلاھىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان تەتقىقاتچى:[مىسال:] ئۇ بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ ئىشى.

ئىلاھىيەتشۇناسلىق

  • ئىلاھىيەتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلاھىيەتنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] ئىلاھىيەتشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانماق.

ئىلاھىيەتلىك

  • ئىلاھىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلاھىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، ئىلاھىيەتنى مەزمۇن قىلغان:[مىسال:] بىراق، شۇبېرت سولدېرننىڭ 1896-يىلى دەل ئىلاھىيەتلىك خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن نەق مۇشۇ نەزەرىيىسىنى دەلىل كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.

ئىلاھىيلاشتۇرماق

  • ئىلاھىيلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىلاھىيلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىلاھىيلاشماق

  • ئىلاھىيلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەك، ئىلاھ قىلىپ كۆرسىتىلمەك، سىرلىقلاشماق.

ئىلاۋە

  • ئىلاۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئاپتور ياكى تەھرىرنىڭ ماقالە، جۈملىدىن سۆز-ئىبارىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئەسكەرتىشى ياكى دەلىل-ئىسپاتى.

ئىلە

  • ئىلە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بىلەن:[مىسال:] مەن سېنى ئايدىڭ ئەمەس، ئاي چىقمىغان تۈندە كۈتەي، قىل ئىگە ۋەسلىڭ ئىلە دۆلەت-مۈلۈككە، ئاخشىمى.

ئىلەشتۈرمەك

  • ئىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئالدى بىلەن ساماننى يۇمشىتىلغان توپىغا ئىلەشتۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ لاي ئېتىشكە باشلىدى.

ئىلەشكەك

  • ئىلەشكەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلار بىلەن ئىلىشىپ-ئىرمىشىپ ئۆتۈشنى، ياشاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان، كىشى بىلەن ئەپ، يېقىن ئۆتىدىغان:[مىسال:] ئىلەشكەك ئادەم.

ئىلەشمەك

  • ئىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇيۇق ھالەتتىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەر بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەك، ئارىلاشماق:[مىسال:] قوناق ئۇنى بىلەن بۇغداي ئۇنى ئىلىشىپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② كىشىگە ئارىلاشماق، قوشۇلماق:[مىسال:] ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ھېچكىمگە ئىلەشمەي غادىيىپ يۈرۈۋەردى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشتا، ھېسابتا ئاداشماق:[مىسال:] ھېسابتا ئىلىشىپ قالماق.[يەشمىسى:] ④ ئەقلىدىن ئازماق، نېرۋىسى قالايمىقانلىشىپ، ساراڭ بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇ بالا ئانىسىدىن كېيىن قېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلىشىپ قالدى.

ئىلەك

  • ئىلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەريانىڭ تارمىقى، تارماق ئېقىن:[مىسال:] قوشنىلار بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، ئىلەكنىڭ نېرىسىدىكى شىۋاقلىقنى ئېچىپ شال تېرىيلى دېيىشتۇق.

ئىلەڭچى

  • ئىلەڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جارچى، جار سالغۇچى:[مىسال:] ئەلچىگە ئۆلۈم يوق، ئىلەڭچىگە كۆرۈم (ماقال).

ئىلەڭ-سىلەڭ

  • ئىلەڭ-سىلەڭ[يەشمىسى:] ماغدۇرسىز، جانسىز؛ تېز، چاققان ھەرىكەت قىلىشقا ماغدۇرى يەتمىگەن:[مىسال:] نۇرگۈل زۇكامغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىلەڭ-سىلەڭ يۈرۈپ بۇ دۇنيادىن كەتتى.

ئىلەڭگۈچ

  • ئىلەڭگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ئۇچىنى لەمپە ياكى ئومۇمەن ئېگىزرەك بىرەر نۇقتىدىكى ياغاچقا چىگىپ، بالىلار ئۇچۇپ ئويناش ئۈچۈن تەييارلانغان ئارغامچا ھەم شۇنداق ئارغامچىدا ئوينالغان بالىلار ئويۇنى:[مىسال:] ئىلەڭگۈچ ئۇچماق.

ئىلەنمەك

  • ئىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چاپلانماق، قوشۇلماق، باغلانماق.

ئىلتمەك

  • ئىلتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] باشلىماق، ئەگەشتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ مېنى ئىلتىپ باردى.

ئىلتىپات

  • ئىلتىپات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىلەرگە ياكى بىرەر نەرسىگە قىلىنغان ياخشى مۇئامىلە؛ غەمخورلۇق، مېھرىبانلىق؛ نەزەر-ئېتىبار:[مىسال:] ئىلتىپات قىلماق. ئىلتىپاتقا مۇيەسسەر بولماق. * ئۇ يىگىتكە بۆلەكتىن ئىلتىپات بىلەن تىكىلىپ، مۇلايىملىق بىلەن قارىدى.

ئىلتىپاتسىز

  • ئىلتىپاتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىگە ئىلتىپات قىلمايدىغان، ھىممەتسىز؛ قوپال:[مىسال:] ئۇ كىشى مېنىڭ بۇ ئىلتىپاتسىز قارىشىمدىن قورۇندى.

ئىلتىپاتسىزلىق

  • ئىلتىپاتسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىممەتسىزلىك، قوپاللىق:[مىسال:] -ئۇ خوتۇن كېيىنكى چاغلاردا ئۆز ئىمانىنىڭ سۇسلاشقانلىقىنى سەزمىدى، -دېدى ھېسامىدىن داموللا، -يۈسۈپ چوڭ بولسا، مال-دۇنياغا بېرىلدى ۋە بىزگىمۇ ئىلتىپاتسىزلىق قىلدى.

ئىلتىپاتلىق

  • ئىلتىپاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىگە ئىلتىپاتى بار، كىشىگە ئىلتىپات قىلىدىغان، مەرھەمەتلىك، ھىممەتلىك:[مىسال:] چۈنكى مەن بۇ قېتىم چوڭ ئىلتىپاتلىق خۇش خەۋەر بىلەن چىقتىم.

ئىلتىجا

  • ئىلتىجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ ئۆتۈنۈپ سوراش؛ مۇراجىئەت، ئىلتىماس:[مىسال:] خۇدا، شۇ ناتاۋان بەندەڭنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئەزىز ئوغلۇم بىلەن دىدار كۆرۈشتۈرگەن بولساڭ، دەپ ئانا خۇدادىن بالىسىنى تېزراق تېپىۋېلىشنى تىلىدى.

ئىلتىجالىق

  • ئىلتىجالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلتىجا قىلىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرغان، يالۋۇرۇپ ئۆتۈنگەنلىكى، مۇراجىئەت، ئىلتىماس قىلغانلىقى چىقىپ تۇرغان:[مىسال:] نۇردۇن ھاكىم ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئارانلا تونۇيدىغان بۇ ھەمراھىغا ئىلتىجالىق كۆزلىرى بىلەن تەلمۈرۈپ قارىدى.

ئىلتىماس

  • ئىلتىماس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر مۇددىئانى قاندۇرۇش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان يازما ۋە ئاغزاكى مۇراجىئەت، تەلەپ:[مىسال:] ئىلتىماس قىلماق. ئىلتىماس يازماق.

ئىلتىماسنامە

  • ئىلتىماسنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] يېزىلغان ئىلتىماس:[مىسال:] -مەن بىر پارچە ئىلتىماسنامە يېزىپ يۇقىرىغا سۇندۇم، -دېدى بوۋاي.

ئىلدام

  • ئىلدام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز ھەرىكەت قىلىدىغان؛ چاققان، چاپسان:[مىسال:] ئىلدام قەدەم تاشلىماق. ئىلدام ئېشەك.

ئىلداملاتماق

  • ئىلداملاتماق[يەشمىسى:] «ئىلداملىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۈرئىتىنى ئىلداملاتماق. قەدىمىنى ئىلداملاتماق.

ئىلداملاشماق

  • ئىلداملاشماق[يەشمىسى:] ① «ئىلداملىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② ئىلدام، تېز يۈرمەك، ئىلداملىماق:[مىسال:] ئىلداملاشتى ئەجەبمۇ، بۇ قويلارنىڭ تۇيىقى. قارىسام كۆزۈم يەتمەس مەھەللىلەرنىڭ يىرىقى. باشنى تەشتى يارىلاپ، ئەيسا بەگنىڭ تايىقى.

ئىلداملىتىلماق

  • ئىلداملىتىلماق[يەشمىسى:] «ئىلداملاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىلداملىق

  • ئىلداملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېز ھەرىكەت قىلىش، چاقانلىق، چاپسانلىق:[مىسال:] ئۇلار تار كوچىلار، ئېتىز يوللىرىنى ئىلداملىق بىلەن بېسىپ، سۈبھى كۆتۈرۈلگەندە ئۈچئون يېزىسى ئەتراپىغا كېلىپ يەتتى.

ئىلداملىماق

  • ئىلداملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەرىكىتى تېزلىمەك، تېزلەشمەك:[مىسال:] ئىلداملاپ ئالدىغا ئۆتمەك.

ئىلدام-ئىلدام

  • ئىلدام-ئىلدام[يەشمىسى:] «ئىلدام» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] سۇلتان ئېلېكتر چىرىغىنىڭ خىرە يورۇقىدا ھۆل ئاسفالت يولىدا ئىلدام-ئىلدام مېڭىپ باراتتى.

ئىلدۇرماق

  • ئىلدۇرماق[يەشمىسى:] «ئىلماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىلغاⅠ

  • ئىلغاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] مىللىي تېبابەتتە بىر خىل كېسەللىك. ئالامەتلىرى: بەدەننىڭ دۈمبە-غول قىسمىدا يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك قىزغۇچ چېكىت پەيدا بولىدۇ: بەدەن بىردەم قىزىش، بىردەم مۇزلاش ھالىتىدە بولىدۇ. شۇ قىزغۇچ چېكىتنى يىڭنە بىلەن كولاپ (ئېلىپ) ئىچىدىكى قىلغا ئوخشاش ئۇزۇن، ئىنچىكە يىپنى ئۈزۈۋەتسە ئازراق قارا قان چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىمار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ياكى پىيازنى غولغا سۈرتۈپ. كېيىن داچەندەك بىرنەرسە بىلەن سىيرىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

ئىلغاⅡ

  • ئىلغاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «ئىلغا قىلماق»قا قاراڭ.

ئىلغا قىلماق

  • ئىلغا قىلماق[يەشمىسى:] ① نىشانلىماق، كۆزگە چېلىقتۇرماق، قارىسىنى كۆرمەك:[مىسال:] ئوغرى قويۇق دەرەخزارلىق ئىچىدە تاملىرى ئاقىرىپ كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۆينى ئىلغا قىلدى.[يەشمىسى:] ② كۆزىگە ئىلناشتۇرماق، پەرق قىلماق، پەرق ئەتمەك:[مىسال:] ئادىل ئۇدۇلغا قارىدى ئەمما، ئۇدۇلغا قارىغان بىلەن ھېچنېمىنى ئىلغا قىلغىلى بولمىدى.

ئىلغاتماق

  • ئىلغاتماق[يەشمىسى:] «ئىلغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مال ئىلغاتماق. مېۋە-چېۋە ئىلغاتماق.

ئىلغار

  • ئىلغار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، ئاۋانگارت:[مىسال:] ئىلغار خىزمەتچى. ئىلغار كادىر. ئىلغار شەخس. ئىلغار قوشۇن. ئىلغارلاردىن ئۆگەنمەك.[يەشمىسى:] ② ئىشلىتىلىشى، رولى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە زامانغا لايىق ياكى زاماننىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان؛ زامانىۋى:[مىسال:] ئىلغار تېخنىكا. ئىلغار تەجرىبە. ئىلغار ماشىنا. ئىلغار تىپ. ئىلغار پەن-تېخنىكا.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئىلغارلاشماق

  • ئىلغارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىلغار بولماق، ئىلغار دەرىجىگە، سەۋىيىگە يەتمەك:[مىسال:] تېخنىكىلار ئىلغارلاشتى.

ئىلغارلىق

  • ئىلغارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەتلەردە باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان ھالەت، ئاۋانگارتلىق:[مىسال:] سېنىڭ كاساپىتىڭدىن گۇرۇپپىمىز ئىككى قېتىم ئىلغارلىقتىن قەپقالدى.

ئىلغاشماق

  • ئىلغاشماق[يەشمىسى:] «ئىلغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىلغاندى

  • ئىلغاندى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر توپ نەرسىلەردىن ئىلغىنىپ قالغان، ئىلغىنىپ قەپقالغان:[مىسال:] ئىلغاندى ئالما. ئىلغاندى مال.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر توپ نەرسىلەر ئىچىدىن ئىلغىنىپ قالغان ناچار نەرسە، مال، يارامسىز نەرسىلەر:[مىسال:] كوچىغا ئالما سېتىۋالغىلى چىقسام، ئالمىنىڭ ئىلغاندىلىرى قالغانىكەن ئالمىدىم.

ئىلغانماق

  • ئىلغانماق[يەشمىسى:] «ئىلغىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىلغۇ

  • ئىلغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆش، ياغلىق، كىيىم-كېچەك ۋە شۇنىڭدەك، ئومۇمەن بىرەر نەرسىنى ئىلىپ قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەم شۇنىڭغا راسلانغان نەرسە، ئىلمەك:[مىسال:] ئىلغۇدا گۆشۈڭ بولسا بىركۈنى مېھمانغا يارار (ماقال).

ئىلغۇچ

  • ئىلغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن ئىلىش، ئىلىپ قويۇش ياكى ئىلىپ كۆتۈرۈش رولى بولغان نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى:[مىسال:] ئىشىكنىڭ ئىلغۇچى. جىڭنىڭ ئىلغۇچى. كراننىڭ ئىلغۇچى. كىيىم ئىلغۇچ.

ئىلغىتىلماق

  • ئىلغىتىلماق[يەشمىسى:] «ئىلغاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىلغىماق

  • ئىلغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاللىماق، خىللىماق:[مىسال:] غىزا ئىلغىماق.[يەشمىسى:] ② پەرق ئەتمەك، پەرق قىلماق، پەرقلەندۈرمەك:[مىسال:] تاڭ يورۇپ، ئاق-قارىنى ئىلغىغۇدەك بولغان ھامان ئەجەل ئوقلىرى شۇنداق يېغىشقا باشلىدى.

ئىلكەشمەك

  • ئىلكەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چېتىلماق، ئارىلاشماق؛ ئېرىشمەك.

ئىلگەك

  • ئىلگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىشىكنىڭ ئىلغۇچىنى قاغىتۇمشۇققا ئىلىپ قويىدىغان قىسمى:[مىسال:] زەر تۇتقان قىزىل كىيىم كىيگەن دەرۋازىۋەن دەرۋازىنىڭ ئىلگەكلىرىنى شاراقلىتىپ ئاچتى.[يەشمىسى:] ② چاپاننىڭ ياقىسىنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئىلىپ تۈگمىلەش ئۈچۈن تۇتۇلىدىغان ئىلمەك رولىنى ئوينايدىغان نەرسە.

ئىلگىرى

  • ئىلگىرى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بۇرۇن، بۇرۇنقى چاغلاردا، ئاۋۋال:[مىسال:] مەن ئىلگىرى بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقمىغانىدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئالغا، ئالدىغا:[مىسال:] ئىلگىرى سۈرمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] روناق تاپقان، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن:[مىسال:] -ئىشىڭىز ئىلگىرى باسسۇن، -دېدى مېھمان ئەرشىدىن ئاكامنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، -ئېتىڭىز نېمە

ئىلگىرى سۈرمەك

  • ئىلگىرى سۈرمەك[يەشمىسى:] روناق تاپقۇزماق، تەرەققىي قىلدۇرماق، راۋاجلاندۇرماق:[مىسال:] ئىشنى ئىلگىرى سۈرمەك. ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرمەك.

ئىلگىرى كەلمەك

  • ئىلگىرى كەلمەك[يەشمىسى:] «تۇرمۇش ياكى بىرەر ئىشتا راۋاجلانماق، روناق تاپماق» دېگەن مەنىدىكى ئىبارە:[مىسال:] ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىكى ئىشى ئىلگىرى كەلمەي، چەپ بولىدۇ، ۋەھاكازا... دېگەن گەپ

ئىلگىرى-ئاخىر

  • ئىلگىرى-ئاخىر[يەشمىسى:] ① ئىلگىرى ۋە ئاخىر:[مىسال:] ھەممىسى بىر كەلمەي، ئىلگىرى-ئاخىر كېلىشتى.[يەشمىسى:] ② ھەممىسى بولۇپ، جەمئىي:[مىسال:] بىز ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئون قېتىم يىغىن ئاچتۇق.

ئىلگىرى-كېيىن

  • ئىلگىرى-كېيىن[يەشمىسى:] ① ئىلگىرى ۋە كېيىن:[مىسال:] ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قالماق.[يەشمىسى:] ② ھەممىسى، جەمئىي:[مىسال:] ئېلىمىزدە 1953-يىلى ۋە 1964-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم نوپۇس تەكشۈرۈلگەنىدى.

ئىلگىرىكى

  • ئىلگىرىكى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلگىرى ئۆتۈپ بولغان، بۇرۇنقى، ئاۋۋالقى، ئۆتكەنكى:[مىسال:] ئىلگىرىكى چاغلار بولسا، ئۇ بۇ خەتنى ئوقۇمايلا يىرتىپ تاشلىۋەتكەن بولاتتى.

ئىلگىرىلەتمەك

  • ئىلگىرىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئىلگىرىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] -دىققەت قىلىڭ، سىزنى تارتىمەن، -رازىيە ئاتنى ئاستا ئىلگىرىلەتتى. مەن كۆپ ئازابلانمايلا ئورەكتىن چىقتىم. * ئۇنى قانداقتۇر بىر قۇدرەتلىك كۈچ زەرب بىلەن ئالدىغا ئىتتەرمەكتە، ئىلگىرىلەتمەكتە ئىدى.

ئىلگىرىلەشمەك

  • ئىلگىرىلەشمەك[يەشمىسى:] «ئىلگىرىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىلگىرىلىتىلمەك

  • ئىلگىرىلىتىلمەك[يەشمىسى:] «ئىلگىرىلەتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمەلىيەتتە، «ئامىل» ھېچ نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان بىر ئاتالغۇ، ئۇ پەقەت مەسىلىنى مۈجمەللەشتۈرىدۇ، گويا مەسىلە ھەل قىلىنىپ بولغاندەك ياكى ئالغا ئىلگىرىتىلگەندەك، ساختا كۆرۈنۈشلا پەيدا قىلىدۇ.

ئىلگىرىلىمە

  • ئىلگىرىلىمە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلگىرىلەيدىغان، ئىلگىرىلەپ تۇرىدىغان: ئىلگىرىلمە ھەرىكەت.

ئىلگىرىلىمەك

  • ئىلگىرىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئالدى تەرەپكە يۈرمەك، ئالدىغا ماڭماق، ئالدى يۆنىلىشكە قاراپ مەلۇم تېزلىك بىلەن يۈرمەك:[مىسال:] ئامبالنىڭ پوچتىسى توپنى يېرىپ، دەرۋازا تەرەپكە ئاستا ئىلگىرىلىدى.[يەشمىسى:] ② ئالغا باسماق، راۋاجلانماق، تەرەققىي تاپماق:[مىسال:] ئۇ ئىدارىمىزغا كەلگەن ئۈچ يىل ئىچىدە خېلىلا ئىلگىرىلەپ كەتتى.

ئىللا-بىللا

  • ئىللا-بىللا[يەشمىسى:] قەسەم قىلىمەنكى؛ ھەرگىز، زادىلا، قەتئىي، پەقەت:[مىسال:] مەن ئۇنى ئىللا-بىللا كۆرمىدىم.

ئىللا-تاۋارا

  • ئىللا-تاۋارا[يەشمىسى:] «ئىللا-بىللا»غا قاراڭ:[مىسال:] مەن ئۇنىڭدىن مۇنداق سادا چىقار دەپ ئىللا-تاۋارا ئويلىماپتىكەنمەن.

ئىللەت

  • ئىللەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بەدەندىكى دەرد، كېسەللىك، كەمتۈكلۈك؛ ئاغرىق:[مىسال:] ساقايماس ئىللەت. كونا ئىللەت.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىشقا سەۋەب بولغان كەمچىلىك؛ ئەيىب، نۇقسان:[مىسال:] ئىللەت تاپماق. يامان ئىللەت. ناچار ئىللەتنى تۈزەتمەك.

ئىللەتسىز

  • ئىللەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىللىتى يوق، ئىللىتى بولمىغان، ئىللەتتىن خالىي:[مىسال:] ئىللەتسىز ئادەم. * ئەرزان نەرسە ئىللەتسىز ئەمەس، قىممەت نەرسە ھېكمەتسىز ئەمەس (ماقال).

ئىللەتلىك

  • ئىللەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىللىتى بار، ئىللەتتىن خالىي ئەمەس، نۇقسانلىق:[مىسال:] ئىللەتلىك نەرسە. ئىللەتلىك ئادەم.

ئىللېكس

  • ئىللېكس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئىللېكس ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن، سوقىچاق، ئۇچى ئۇچلۇق، گۈلى ئاق، ئاتىلىق ۋە ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە بولىدۇ. مېۋىسى شارسىمان، رەڭگى قىزىل كېلىدۇ. ئۇرۇقى بىلەن قوۋزىقى دورا قىلىنىدۇ.

ئىللىتماق

  • ئىللىتماق[يەشمىسى:] «ئىللىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۈن چىقىدۇ، قۇياش ھامان ئۆز نۇرلىرى بىلەن جاھاننى ئىللىتىدۇ. * شەرىپەنىڭ قەلبىنى غالىبنىڭ سۆزى بىردىنلا ئىللىتتى.

ئىللىتىشماق

  • ئىللىتىشماق[يەشمىسى:] «ئىللىتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىللىتىلماق

  • ئىللىتىلماق[يەشمىسى:] «ئىللىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىللىق

  • ئىللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرئاز ئىسسىق، ئىسسىقراق:[مىسال:] ئىللىق فرونت. ئىللىق ئادۋېكسىيە. ئىللىق ئېقىم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېقىملىق، خۇش كېلىدىغان:[مىسال:] ئىللىق سۆز. ئىللىق سۆھبەت. ئىللىق مۇئامىلە. ئىللىق تەبەسسۇم.

ئىللىقلىق

  • ئىللىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسسىق. يېقىملىق ھالەت:[مىسال:] ھاۋانىڭ ئىللىقلىقى. كۈننىڭ ئىللىقلىقى. * ئۇنىڭ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەن كەڭ ۋە ئوچۇق پېشانىسىدىن بىر خىل ئىللىقلىق يېغىپ تۇراتتى.

ئىللىماقⅠ

  • ئىللىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرئاز ئىسسىماق، ئىللىق ھالەتكە ئۆتمەك:[مىسال:] ھاۋا ئىللىدى. * كىچىك دېرىزىدىن كۈن نۇرى غۇۋا چۈشۈپ تۇراتتى، ئۆي ئىچى خېلىلا ئىللىپ قالغانىدى.

ئىللىماقⅡ

  • ئىللىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۇرىماق، ئىسكىمەك.

ئىلماق

  • ئىلماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىلمەك، مىخ، ئىلغۇچ، قوزۇق ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئاسماق ئۆتكۈزۈپ قويماق:[مىسال:] ئابدۇقادىر داموللا بېشىدىكى سەللىسىنى ئېلىپ تامدىكى قوزۇقلارنىڭ بىرىگە ئىلدى.[يەشمىسى:] ② ئۆتكۈزۈپ قويماق:[مىسال:] ھىسامىدىن داموللا كەينىگەقايتتى، مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلدى.[يەشمىسى:] ③ تۇتماق، نازۇك، ئىنچىكە يېرىدىن ئالماق (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئاباق شەۋكەتنىڭ سۆزىنى ئىلىۋالدى.

ئىلمان

  • ئىلمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىللىق ئۆتكەن، ئىسسىق ئۆتكەن، بىرئاز ئىسسىغان، ئىللىق:[مىسال:] ئىلمان سۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىگە، بىرەر ئىشقا، مەسىلىگە تۇتقان مۇئامىلىسى، كۆز قارىشى، ئوتتۇرىدا بولغان، ئۇ تەرەپكىمۇ بۇ تەرەپكىمۇ مايىل ئەمەس:[مىسال:] گۈلشاتنىڭ ئۆز سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ مۇئامىلىسى ھامان «ئىلمان» بولۇپ كەلدى.

ئىلمەⅠ

  • ئىلمەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئادەتتە قولدا ئىشلىتىدىغان ئىلمەكلىك چوكا ياكى ھەر خىل ماشىنىلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىلىپ توقۇلىدىغان، ئىلىش يولى بىلەن ئىشلىنىدىغان:[مىسال:] ئىلمە توقۇلما.

ئىلمەⅡ

  • ئىلمەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<«ئىلغا»غا قاراڭ.

ئىلمەك

  • ئىلمەك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئومۇمەن بىرەر نەرسىنى ئىلىشقا، ئىلىپ ئېلىشقا، ئىلىپ قويۇشقا لايىقلاشقان؛ لايىقلاشتۇرۇپ ياسالغان ئېگىك ھالەتتىكى نەرسە:[مىسال:] ئەجەب كەلدى تېپىلىپ، ئىلمىكىمگە سېپىلىپ (ماقال). * ئىلمەكنى ئىشارەت بىلەن رۇسلىغىلى بولماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇچى ئېگىلگەن، ئېگىك ھالەتتىكى، ئېگىك:[مىسال:] ئىلمەك سىم. * خورىكى چوڭنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شۇ خىل شەكىلدىكى، ئەگمەچ:[مىسال:] ئىلمەك قۇرت.

ئىلمەك گەپ

  • ئىلمەك گەپ[يەشمىسى:] قارشى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا، گېپىگە قارىتا قەستەن بۇراپ قىلىنغان تەتۈر سۆز:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاكىسى توغرۇلۇق ئېيتىلىدىغان ھەرقانداق ئىلمەك گەپلەرنى ئاڭلىغۇسى كەلمەيتتى.

ئىلمەكلىك

  • ئىلمەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىلمىكى بار، ئىلمىكى بولغان:[مىسال:] ئىلمەكلىك مەددە.[يەشمىسى:] ② ئىلمەك قىلىشقا بولىدىغان، ئىلمەك قىلىشقا يېتىدىغان:[مىسال:] بىر ئىلمەكلىك تۆمۈر.

ئىلمۇئېرپان

  • ئىلمۇئېرپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىلىم-بىلىم، ئىلىم ۋە ئېرپان:[مىسال:] بولۇپ تۇرماقتادۇر، گۈللەپ نامايان، تەرەققىي قىلغان ئۇندا ئىلمۇ ئېرپان.

ئىلمىنۇجۇم

  • ئىلمىنۇجۇم[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئاسترونومىيە»گە قاراڭ:[مىسال:] تېبابەتچىلىك ئىلمى ۋە ئىلمى نۇجۇمدا ئۇنىڭ ئالەمدە تەڭدىشى يوق ئىكەن.

ئىلمىي

  • ئىلمىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىلىمگە، ئىلىم-پەنگە ئائىت، ئىلىم-پەنگە ئاساسلانغان:[مىسال:] ئىلمىي ئەسەر. ئىلمىي خۇلاسە. ئىلمىي تەجرىبە. ئىلمىي خادىم.[يەشمىسى:] ② ئوقۇشقا، ئوقۇش-ئوقۇتۇش، مائارىپ ئىشلىرىغا ئائىت ھەم شۇ قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان:[مىسال:] ئىلمىي بۆلۈم. ئىلمىي مۇدىر. ئىلمىي باشقارما.

ئىلمىيلىك

  • ئىلمىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەبىئەت، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش:[مىسال:] ئىلمىيلىككە بويسۇنماق. ئىلمىيلىكنى نەزەرگە ئالماق.

ئىلھام

  • ئىلھام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆتۈرەڭگۈ ئىجادىي روھ، ئىجادىي غەيرەت ۋە زوق جۇش ئۇرغان ھالەت:[مىسال:] ئىلھام بەرمەك. ئىلھام بىلەن ئىشلىمەك. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىجادىي پائالىيەت جەريانىدا ئاپتور ئىدىيسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى، كەيپىياتنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەيئى، ھادىسىلەرنىڭ قوزغىتىشى بىلەن پەيدا بولغان ئىجادىي قابىلىيەت:[مىسال:] ئىلھام بىلەن يېزىلغان شېئىر. شائىرنىڭ ئىلھامى كەلمەك.[يەشمىسى:] ③ مەدەت، رىغبەت؛ زوق:[مىسال:] لۇتپۇللا ئۇنىڭ چىداملىق، كەمتەر روھىدىن، قىزغىن مۇئامىلە ۋە ياردىمىدىن يېڭى پىكىر، يېڭى ئىلھام ئېلىپ قايتىپ كېلەتتى.[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.ئ

لىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:

  • لىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] -دىققەت قىلئىلھام بەرگۈچى؛ ئىلھام بېرىدىغان، مەدەت ئاتا قىلىدىغان، مەدەت بېغىشلايدىغان، روھىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتىدىغان:[مىسال:] ئىلھامبەخش ئەتمەك. * شوخ كۈلكە، يېقىملىق ئىلھامبەخش شاد ناخشا ئېتىزلىقنى قاپلىغانىدى.

ئىلھامچى

  • ئىلھامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئىلھام بېغىشلىغۇچى، ئىلھام بەرگۈچى.

ئىلھاملاندۇرماق

  • ئىلھاملاندۇرماق[يەشمىسى:] «ئىلھاملانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ سۆزى مېنى ئىلھاملاندۇردى.

ئىلھاملاندۇرۇشماق

  • ئىلھاملاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ئىلھاملاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىلھاملاندۇرۇلماق

  • ئىلھاملاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئىلھاملاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىلھاملانماق

  • ئىلھاملانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىلھامى كەلمەك، ئىلھامى تۇتماق:[مىسال:] ئۇ ئىلھاملانغاندا ئاز-تولا شېئىر يېزىپ قوياتتى.[يەشمىسى:] ② روھى ئۇرغۇماق، ئىلھام ئالماق، مەدەت ئالماق:[مىسال:] خەلق ئۇنىڭ قورقماس باتۇرلۇقىدىن ئىلھاملاندى.

ئىلىتماق

  • ئىلىتماق[يەشمىسى:] «ئىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇنى ئىلىتماق. تۇخۇمنى ئىلىتماق.

ئىلىتىشماق

  • ئىلىتىشماق[يەشمىسى:] «ئىلىتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىلىتىلماق

  • ئىلىتىلماق[يەشمىسى:] «ئىلىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىلىشاڭغۇ

  • ئىلىشاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېساب ياكى بىرەر ئىشتا ناھايىتى ئاسان ئىلىشىپ قالىدىغان ئىلىشىپ قالاي دەپ قالغان:[مىسال:] ئابدۇرېھىم دورغا ئىلىشاڭغۇ، ساقال-بۇرۇتى كېلشەڭگۈ، بەش مىڭ سەر كۈمۈش بەرسە، چېرىك سايان ئېڭىشەڭگۈ.

ئىلىشتۇرماق Ⅰ

  • ئىلىشتۇرماق Ⅰ[يەشمىسى:] ①«ئىلىشماقⅠ»مەجبۇرىي دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى ئىلمەك، قوزۇق ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىگە ئىلماق، ئىلىناشتۇرماق.

ئىلىشتۇرماقⅡ

  • ئىلىشتۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «ئىلىشماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشنى ئىلىشتۇرماق. مېڭىسىنى ئىلىشتۇرماق. كاللىسىنى ئىلىشتۇرماق.

ئىلىشماقⅠ

  • ئىلىشماقⅠ[يەشمىسى:] «ئىلماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئىشىكتىن كىرىشى بىلەنلا جۇۋىلىرىنى قوزۇقلارغا ئىلىشتى.

ئىلىشماقⅡ

  • ئىلىشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① خاتا كەتكۈزمەك، خاتا قىلىپ قويماق، يېڭىلىشماق:[مىسال:] ھېسابتا ئىلىشماق. گەپتە ئىلىشماق. ئىشتا ئىلىشماق.[يەشمىسى:] ② ساراڭ بولۇپ قالماق، نېرۋىسى ئىشتىن چىقماق، كاللىسى ئىشلىمەس بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇ قىزنىڭ ئىلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

ئىلىق

  • ئىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلىقلىق:[مىسال:] ئىشىك ئىلىق. * چاپان قوزۇققا ئىلىق ئىكەن.

ئىلىقلىق

  • ئىلىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلىپ قويۇلغان، ئىلىنغان:[مىسال:] كېيىن ئۇ قوزۇققا ئىلىقلىق ئالا بالداق توننى ئېلىپ ياقىسىنىڭ ئورۇمىنى تىكىشكە باشلىدى.

ئىلىق-مىلىق

  • ئىلىق-مىلىق [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرئاز ئىسسىقلىق، ئىللىق.

ئىلىك

  • ئىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قولنىڭ بېغىشىدىن ئۇچىغىچە بولغان قىسمى، قول. [يەشمىسى:] ② قولنىڭ ھەربىر پەنجىسى:[مىسال:] تۆت ئىلىك تاختاي. ئىككى ئىلىك خەت.[يەشمىسى:] ③ ئىختىيارلىق، كونتروللۇق:[مىسال:] دۆلەت ئىلكىگە ئۆتمەك. ئىلكىگە ئېلىۋالماق.

ئىلىك ئالماق

  • ئىلىك ئالماق[يەشمىسى:] قوبۇل قىلماق، توغرا تاپماق؛ ئېتىراپ قىلماق:[مىسال:] سەلىمە چوڭ-كىچىك ئىشلاردا قادىر بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئىلىك ئالىدۇ.

ئىلىكتەلە

  • ئىلىكتەلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قىزنىڭ ئۆزئانىسى تەرەپتىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرى، ھەققى تالىق، قىز مېلى.

ئىلىكتىمەك

  • ئىلىكتىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۆزگە ئىلماق، ئېتىبارغا ئالماق، ھېسابقا ئالماق.

ئىلىم

  • ئىلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ياشاش، تەبىئەتنى بىلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا توپلانغان، ئارتىپ بارغان بىلىمى؛ مەلۇمات، ساۋات:[مىسال:] ئىلىم ئالماق. ئىلىم بەرمەك. ئىلىمگە بېرىلمەك. ئىلىم تەھسىل قىلماق.

ئىلىم نوپۇزلۇقى

  • ئىلىم نوپۇزلۇقى[يەشمىسى:] ئىلىم، ئىلىم-پەننىڭ ئىچىدىكى بىرەرىنى ياكى بىرقانچىسىنى پىششىق بىلگەن ۋە ئۇنىڭدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن، بىلىم ئىگىسى، ئىلىم بىلەن شۆھرەت قازانغان كىشى.

ئىلىم-بىلىم

  • ئىلىم-بىلىم[يەشمىسى:] ئىلىم ۋە بىلىم، ئىلىم-پەن:[مىسال:] ئۇنىڭ نەدە، نېمە ئوقۇغانلىقىنى، ئىلىم-بىلىمدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

ئىلىمپەرۋەر

  • ئىلىمپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىلىمنى، ئىلىم-پەننى سۆيىدىغان، تىرىشىپ، ئىزدىنىپ ئىلىم ئۆگىنىدىغان، ئىلىمنى، مەرىپەتنى ياقلايدىغان:[مىسال:] ئىلىمپەرۋەر كىشى. ئىلىمپەرۋەر زات.

ئىلىمپەرۋەرلىك

  • ئىلىمپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلىمنى، ئىلىم-پەننى سۆيۈش، ئىلىم ئۆگنىش، ئىلىمنى ياقلاش.

ئىلىم-پەن

  • ئىلىم-پەن[يەشمىسى:] ① ئىلىم ۋە پەن.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى بىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە ياشاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا توپلىغان بىلىمى، مەلۇماتى ياكى تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر توغرىسىدىكى بىلىم سىستېمىسى. ئۇ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا سىنىلىپ ۋە راۋاجلىنىپ بارىدۇ. ئۇ مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ئامىلى:[مىسال:] ئىلىم-پەنگە بېرىلمەك. ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى بېغىشلىماق.

ئىلىمسىز

  • ئىلىمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلىمى، مەلۇماتى يوق؛ ئوقۇمىغان، نادان:[مىسال:] ئىلىمسىز كىشىنىڭ كۆڭلى قارادۇر، قارا كۆڭلى ئۇنىڭ باشىن يارادۇر.

ئىلىمسىزلىك

  • ئىلىمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىلىمى، مەلۇماتى يوقلۇق، نادانلىق:[مىسال:] ئىنسان ئۈچۈن ئىلىمسىزلىك چوڭ ئىللەتتۇر.

ئىلىمشۇناس

  • ئىلىمشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، ئىلىم ئەھلى:[مىسال:] نېمە ئۈچۈندۇر شۇ چاغلاردا بىرمۇنچە ئادەملەر ئۆزلىرىنى بىردىنلا مىللىي ئىلىمشۇناس دېيىشىۋالغانىدى.

ئىلىملىك

  • ئىلىملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىلىمى، مەلۇماتى بار، بىلىم ئالغان، ئوقۇغان، مەلۇماتلىق:[مىسال:] ئىلىملىك كىشىنىڭ ئادەملەر ئالدىدا قىممىتى بولىدۇ، ئۇ ئىككىلا دۇنيادا خار بولمايدۇ.

ئىلىم-مەرىپەت

  • ئىلىم-مەرىپەت[يەشمىسى:] ئىلىم ۋە مەرىپەت، ئاڭ، بىلىم، پەن؛ ئىلغارلىق:[مىسال:] مەن ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشنى شەرەپلىك ھېس قىلىمەن.

ئىلىم-مەرىپەتلىك

  • ئىلىم-مەرىپەتلىك[يەشمىسى:] ئىلىم-مەرىپەت ئۆگەنگەن، ئىلىم-مەرىپەت يولىغا ماڭغان، ئىلىمپەرۋەر:[مىسال:] ئىلىم-مەرىپەتلىك ياشلار. ئىلىم-مەرىپەتلىك كىشىلەر.

ئىلىم-ھېكمەت

  • ئىلىم-ھېكمەت[يەشمىسى:] ئىلىم ۋە ھېكمەت:[مىسال:] جامال شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇكىسى كامالدىن ئىلىم-ھېكمەت ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ.

ئىلىم-ئېرپان

  • ئىلىم-ئېرپان[يەشمىسى:] بىلىم ۋە مەرىپەت، ئىلىم ۋە پەن:[مىسال:] چۈنكى ئەلگە پەقەت ئىلىم-ئېرپان ئارقىلىقلا مۇشۇنداق ئاھۇنادامەت، زۇلۇم-ئاسارەتتە قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تونۇتقىلى بولىدۇ.

ئىلىنچۇك

  • ئىلىنچۇك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاساس، باھانە؛ باغلىنىش؛ يۆلەنچۈك.

ئىلىنچىق

  • ئىلىنچىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېلىڭ-سېلىڭ.

ئىلىندۇرماق

  • ئىلىندۇرماق[يەشمىسى:] «ئىلىنماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چىتقا ئىلىندۇرماق. *بىر كۈنى ئۇ قىز كۆڭلىكىنى دەرەخ شاخلىرىغا ئىلىندۇرۇپ يىرتىۋېتىپتۇ.

ئىلىنماق

  • ئىلىنماق[يەشمىسى:] ① «ئىلماق»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار (ماقال).[يەشمىسى:] ② يېقىن كەلمەك، ئولاشماق:[مىسال:] ھارغىنلىق يەتكەنلىكتىن ياستۇققا بېشىمنى قويۇشۇم بىلەنلا كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىندى.[يەشمىسى:] ③ ئالدانماق، قىلتاققا چۈشمەك:[مىسال:] بىراق، ئۇ قاسىمنىڭ ئۆزىدىن بالدۇرراق ئىلىنىپ قالىدىغانلىقنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ ئويلىمىغانىدى.

ئىلىنىشماق

  • ئىلىنىشماق[يەشمىسى:] ① «ئىلىنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يول ئۈستىدە چېچىلغان قوناق پالاڭلىرى، شال پاخاللىرى، چىتلارغا ئىلىنىشىپ قالغان غوزا-پاختىلار ئۇچۇپ يۈرەتتى.[يەشمىسى:] ② چېتىلماق، باغلىنىشلىق بولماق:[مىسال:] مېنىڭ نامانغا ئىلىنىشىدىغان ھېچبىر يېرىم يوق.[يەشمىسى:] ③ چەككە ئارانلا دەسسىمەك، ئولاشماق:[مىسال:] سىڭلىم بۇ يىل ئىمتىھاندا ئېرىشكەن ئاتمىش نومۇرى بىلەن تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئىلىنىشتى.

ئىم

  • ئىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] پۇشايماننى، ئەپسۇسنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئەنۋەر تېز يامىشىپ ئەڭ ئېگىزدىكى ئۇۋا بار شاخقا چىققاندا سۆگەتنىڭ تۈۋىدە قاراپ تۇرۇشقان بالىلار «ئىم» دېيىشتى.

ئىما

  • ئىما[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] باش ئىرغىتىپ ياكى يۈز، كۆز، قاش، قول ھەرىكىتى بىلەن قىلىنغان ئىشارەت:[مىسال:] مانا كېلىپ قالدۇق، دېدى ھامىدىن غوجا ئۈستىغولنىڭ ئاغزىنى بېشى بىلەن ئىما قىلىپ كۆرسىتىپ.

ئىمارەت

  • ئىمارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئولتۇرۇش، ئىشلەش ئۈچۈن مەخسۇس سېلىنغان قۇرۇلۇش، چوڭ ئۆي؛ بىنا:[مىسال:] ئىمارەت سالماق.

ئىمارەتچىلىك

  • ئىمارەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىمارەت لايىھىلەش ۋە ئۇنى سېلىش ئىشى.

ئىمارەتلىك

  • ئىمارەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمارەت بار بولغان، ئىمارەتكە ئىگە:[مىسال:] ئېگىز ئىمارەتلىك شەھەر. ئېگىز ئىمارەتلىك كوچا.

ئىماژنىزم

  • ئىماژنىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقالغان ھازىرقى زامان شېئىرىيەت ئېقىمى. بۇ ئېقىمدىكىلەر ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىۋاسىتە ئىپادىلەشنى، ئىپادىلەشكە ياردىمى تەگمەيدىغان ھەرقانداق سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى، ئېغىز تىلى رىتىمىنى ئەنئەنىۋى رىتىم ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان. دەرھال تەسىر قىلغان ئوي-پىكىر ۋە ھېسسىياتنىڭ قايتىدىن بىرلىشىشىنى ئىپادىلەش ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى.

ئىمام

  • ئىمام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① نامازدا جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ نامازنى باشقۇرغۇچى، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىقتىدا قىلدۇرغۇچى دىنىي شەخس؛ ئاخۇن:[مىسال:] ئىمامنىڭ ئۆمرىنى تىلە، مەزىننىڭ ئۆلۈمىنى (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئىسلام دىنىنىڭ ھەرقايسى مەزھەپلىرىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ شۇ مەزھىپىگە ئاساس سالغۇچىنىڭ ھۆرمەت نامى.[يەشمىسى:] ③ ئىسلام دىنىدىكى مەشھۇر ئۆلىما-ئالىملارنىڭ ھۆرمەت نامى. [يەشمىسى:] ④ ئىسلام پېشۋالىرىنىڭ ئۇنۋانى.⑤ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ئىمامى ئەخپەشنىڭ ئۆچكىسى

  • ئىمامى ئەخپەشنىڭ ئۆچكىسى[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكرى يوق، ئۆزىنىڭ باشلىقلىرى نېمە دېسە شۇنى توغرا، راست دەيدىغان ئادەم.

ئىمامەت

  • ئىمامەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىمام بولۇش، ئىماملىق.

ئىمامەتچىلىك

  • ئىمامەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نامازدا جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ نامازنى باشقۇرۇش، ئىمام ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىش، ۋەزىپە؛ ئىماملىق:[مىسال:] سېنىڭ مەدرىسىنى تۈگىتىپ بىرەر مەھەللىگە ئىمام بولۇشۇڭ تۇرغان گەپ. ئىمامەتچىلىك دېگەن رىزقى تۈگىمەيدىغانلا بىر ئىش.

ئىماملىق

  • ئىماملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىمام ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىش، ۋەزىپە؛ ئىمامەتچىلىك:[مىسال:] ئىماملىق قىلماق.

ئىمان

  • ئىمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىدا ئاللاغا، ئاللانىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە بولغان ئىشەنچ، ئېتىقاد، سېغىنىش:[مىسال:] ئىمان ئېيتماق. ئىمان كەلتۈرمەك.[يەشمىسى:] ② ۋىجدان:[مىسال:] بىز ساڭا قانداق يامانلىق قىلدۇق ئىمانىڭ بىلەن گەپ قىل

ئىمانى كامىل

  • ئىمانى كامىل[يەشمىسى:] ئىشەنچىسى تولۇق، تولۇق ئىشىنىدۇ:[مىسال:] ئىمانىم كامىلكى، ئۇ دېگىنىنى قىلىدۇ. * بۈگۈن ئەتىگەن مەيداندا ساقچى چاشقانلىرىدىن بىرەرى سىزنى سېزىپ قالمىغىنىغا ئىمانىڭىز كامىلمۇ

ئىمانى ئۇچماق

  • ئىمانى ئۇچماق[يەشمىسى:] قاتتىق غەزەپلەنمەك، ئاچچىقى تازا كەلمەك:[مىسال:] بەزىلەرنىڭ مېنىڭ ئارقامدىن قىلغان زەھەرخەندە گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىمانىم ئۇچتى.

ئىمانسىز

  • ئىمانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ياكى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەقلىقىگە پۈتمەيدىغان؛ كاپىر:[مىسال:] مۇشتتەك تۇرۇپ ئىمانسىز موماڭدىن دۇتار چېلىشنى ئۆگىنىپسەن تېخى.[يەشمىسى:] ② ۋىجدانى يوق، ۋىجدانسىز، دىيانەتسىز:[مىسال:] ۋاڭ غوجامنىڭ تاغدىكى بۇ ئىمانسىزلارنى يوقىتىشقا قانچىلىك تەييارلىقى باركىن

ئىما-ئىشارە

  • ئىما-ئىشارە[يەشمىسى:] «ئىما-ئىشارەت»كە قاراڭ:[مىسال:] ئادىلنىڭ تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چىرايىدىن چولپان ئۈچۈن قايتا-قايتا رەھمەت دېگەندەك ئىما-ئىشارە چىقىپ تۇراتتى.

ئىما-ئىشارەت

  • ئىما-ئىشارەت[يەشمىسى:] باش ئىرغىتىپ ياكى يۈز-كۆز، قاش، قول ھەرىكىتى بىلەن قىلىنغان بەلگە، ئىشارەت:[مىسال:] ئىما-ئىشارەت قىلماق. * ئۇلار ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن تۆرگە چىقىپ جايلاشقاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈردى.

ئىما-ئىشارەت تىلى

  • ئىما-ئىشارەت تىلى[يەشمىسى:] نۇتۇقسىز ھالدا ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ۋاسىتىسى؛ ئىشارەت تىلى.

ئىما-ئىشارەتلىك

  • ئىما-ئىشارەتلىك[يەشمىسى:] ئىما-ئىشارىتى بار، ئىما-ئىشارىتى بولغان.

ئىمپورت

  • ئىمپورت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتتىن تاۋار كىرگۈزۈش پائالىيىتى.

ئىمپۇلس

  • ئىمپۇلس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ① دولقۇن مەنبەسىنىڭ يەككە، قايتىلانمايدىغان پېرتۇرباتسىيىلىك ھەرىكىتىنىڭ تارقىلىشى.[يەشمىسى:] ② ئېلېكتر تېخنىكىسى ۋە ئېلېكترون تېخنىكىسىدا توك كۈچى ياكى بېسىمنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق داۋالغۇشى.

ئىمپۇلسلىق

  • ئىمپۇلسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمپۇلسى بار، ئىمپۇلسقا ئىگە:[مىسال:] ئىمپۇلسلىق ئاۋاز.

ئىمپېراتور

  • ئىمپېراتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] پادىشاھلىق دۆلەتلەردە پادىشاھنىڭ، ئىمپېرىيە پادىشاھىنىڭ ئۇنۋانى ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئىگە بولغان شەخس.

ئىمپېراتورلۇق

  • ئىمپېراتورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمپېراتور تۈزۈمى يۈرگۈزۈلگەن، پادىشاھلىق:[مىسال:] ئىمپېراتورلۇق تۈزۈم.

ئىمپېرىئالىزم

  • ئىمپېرىئالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] «جاھانگىرلىك»كە قاراڭ.

ئىمپېرىئالىست

  • ئىمپېرىئالىست[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] «جاھانگىر»گە قاراڭ.

ئىمپېرىيە

  • ئىمپېرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] تېررىتورىيىسى ئىنتايىن زور ياكى مۇستەملىكىسى بولغان پادىشاھلىق دۆلەت.

ئىمتىلائىي

  • ئىمتىلائىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئىمتىلائىي كېسەللىكلەر»گە قاراڭ.

ئىمتىلائىي كېسەللىكلەر

  • ئىمتىلائىي كېسەللىكلەر[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تېبابەتچىلىكتە، قوزغالغاندا قىزىتما يۇقىرى ئۆرلەش، تەرلىمەسلىك، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش، مەيدە ۋە قورساق كۆپۈپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئىمتىھان

  • ئىمتىھان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، دەرس پروگراممىلىرىدا بەلگىلەنگەن بىلىمنى قانچىلىك ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى تەكشۈرۈش، سىناپ كۆرۈش، سىناش:[مىسال:] دۆلەت ئىمتىھانى. ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمتىھانى. * ئىمتىھان ئالماق. ئىمتىھان بەرمەك. يىللىق ئىمتىھان. مەۋسۇملۇق ئىمتىھان. * قادىر ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدى.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن سىناش، تەكشۈرۈش:[مىسال:] ئىشان قولىنى شىلتىپ، «دەرۋىشكە ھۇجرىدا يېتىش ھارام، ماڭا ئۆڭكۈر ماكان بولغاي، جاپالار ئىمتىھان بولغاي، بىلىڭلاركى خالايىقلار، تاڭنا ئاخىر زامان بولغاي» دەپ، تاغ تەرەپكە بۇرۇلۇپ بىر ئۆڭكۈرگە كىرىۋالدى.

ئىمتىھانسىز

  • ئىمتىھانسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمتىھان ئالمىغان ياكى بەرمىگەن، ئىمتىھان ئالماي ياكى بەرمەي:[مىسال:] ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرمەك.

ئىمتىھانلىق

  • ئىمتىھانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمتىھان ئېلىنىدىغان، ئىمتىھان ئارقىلىق بېرىلىدىغان ياكى قوبۇل قىلىنىدىغان:[مىسال:] ئىمتىھانلىق مەنسەپ تۈزۈمى.

ئىمتىياز

  • ئىمتىياز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلاردىن ئارتۇق بەھرىمەن بولىدىغان مەنپەئەت؛ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھوقۇق، ئارتۇقلۇق:[مىسال:] يەر ئىسلاھاتىدىن كېيىن، دېدى ئالماس، فېئوداللار سىنىپى ئەمگەكچى دېھقانلارنى ئېزىش، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئىمتىيازلىرىدىن مەھرۇم بولدى.

ئىمتىيازچىلىق

  • ئىمتىيازچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىمتىيازغا بېرىلىش، ئىمتىيازنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ئىمتىياز قوغلىشىش:[مىسال:] ئىمتىيازچىلىق فېئودالىزمنىڭ قالدۇق تەسىرىنىڭ تېخى تازىلىنىپ بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ئىمتىيازسىز

  • ئىمتىيازسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمتىيازى بار، ئىمتىيازغا ئىگە بولمىغان.

ئىمتىيازلىق

  • ئىمتىيازلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە ئۈچۈن بەلگىلەنگىنىدىن ئارتۇق ھەق، ھوقۇققا، ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان:[مىسال:] بۇ يەردە دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى بولغان ئەمەلدارلارنىڭ ئىمتىيازلىق ئورنى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىمزا

  • ئىمزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىلغان ئىسىم-فامىلىسى ياكى قويۇلغان قول:[مىسال:] ئىمزا قويماق.

ئىمزاسىز

  • ئىمزاسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمزاسى يوق، ئىمزا قويۇلمىغان، ئىمزا قويۇپ تەستىقلانمىغان:[مىسال:] ئىمزاسىز خەت. ئىمزاسىز ھۆججەت.

ئىمزالاتماق

  • ئىمزالاتماق[يەشمىسى:] «ئىمزالىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شەرتنامە ئىمزالاتماق.

ئىمزالاشماق

  • ئىمزالاشماق[يەشمىسى:] «ئىمزالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىمزالانماق

  • ئىمزالانماق[يەشمىسى:] «ئىمزالىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شەرتنامە ئىمزالاندى.

ئىمزالىق

  • ئىمزالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمزاسى بار، ئىمزا قويۇلغان:[مىسال:] بۇ «غىلاپلىق خەنجەر» ئىمزالىق بىر كىشىنىڭ مەخسۇت بەگكە يازغان خېتى ئىدى.

ئىمزالىماق

  • ئىمزالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىمزا قويماق، ئىمزاسىنى يازماق، ئۆز ئىمزاسى بىلەن تەستىقلىماق:[مىسال:] شەرتنامىنى ئىمزالىماق. بۇيرۇقنى ئىمزالىماق.

ئىمكان

  • ئىمكان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «ئىمكانىيەت»كە قاراڭ:[مىسال:] ئىمكان بەرمەك. ئىمكان يار بەرمەك.

ئىمكان بار

  • ئىمكان بار[يەشمىسى:] مۇمكىنقەدەر، ئىلاجى بار:[مىسال:] ئىمكان بار قاسىمنى تولۇق ئويغىتىپ، دۈشمەن بىلەن يۈزمۇيۈز كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئىمكان بەرمەك

  • ئىمكان بەرمەك[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، مەقسەت، تەلەپ ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەيدانغا، ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن يول قويماق، ئۇنىماق ياكى شەرت-شارائىت ياراتماق:[مىسال:] شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان پالۋانلار چېرىكلەرگە ھەرىكەت قىلىشقا ئىمكان بەرمىدى.

ئىمكانقەدەر

  • ئىمكانقەدەر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]ئىمكان+قەدەر[[يەشمىسى:] پۈتۈن ئىمكانىيەت، كۈچىنىڭ بارىچە؛ پۈتۈن[يەشمىسى:] ئىمكانىيىتى، كۈچى بىلەن؛ مۇمكىنقەدەر:[مىسال:] مەن ئۇ يەرگە ئىمكانقەدەر ۋاقىت چىقىرىپ بارىمەن.

ئىمكانىيەت

  • ئىمكانىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىش-ھەرىكەت ۋە مەقسەت قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زۆرۈر ياكى قولاي بولغان شەرت-شارائىت؛ پۇرسەت، مۇمكىنچىلىك:[مىسال:] ئىمكانىيەت بەرمەك. ئىمكانىيەت ياراتماق. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكىنىڭ بىر كاتېگورىيىسى. ئادەتتە ئۇ ئەمەلگە ئاشىدىغان رېئاللىقنى بىلدۈرىدۇ.

ئىمكانىيەتلىك

  • ئىمكانىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىمكانىيىتى بار، ئىمكانىيىتى بولغان، ئىمكانىيىتى بولىدىغان:[مىسال:] ئىمكانىيەتلىك ئىش. ئىمكانىيەتلىك شەرت-شارائىتلارنى ياراتماق.

ئىملا

  • ئىملا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر مىللەت تىلىدىكى سۆزلەرنى توغرا، ئۆلچەملىك يېزىش:[مىسال:] ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسى. ئىملا لۇغىتى. ئىملا قائىدىسى.

ئىملا قائىدىسى

  • ئىملا قائىدىسى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] يېزىق تىلىنىڭ يېزىلىش قائىدىسى ۋە يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش قائىدىسى. ئۇ يېزىقنىڭ توغرا يېزىلىشى، ئۆلچەمگە مۇۋاپىق بولۇشى، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ قوللىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ھەمدە ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىكى ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىك يېزىلىش ئۆلچىمى، بوغۇم ئايرىش بەلگىلىرىنىڭ توغرا قوللىنىش، بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىلىرى، ئۇلاپ يېزىش قائىدىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىملىق

  • ئىملىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىما-ئىشارەت، ھېس-ھاياجاننى بىلدۈرىدىغان؛ ئىما-ئىشارەتلىك:[مىسال:] ئىملىق سۆز. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇ، ھېس-تۇيغۇ، چاقىرىق، بۇيرۇق، جاۋاب قاتارلىقلارغا ئىما (ئىشارەت) بولۇپ كېلىدىغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىملىقلار مەنىسىگە قاراپ ھېس-تۇيغۇ ئىملىقلىرى، جاۋاب ئىملىقلىرى، بۇيرۇق-چاقىرىق ئىملىقلىرى دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئىملىماق

  • ئىملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىما بىلەن چاقىرماق ياكى كۆرسەتمەك، ئىما-ئىشارە قىلماق:[مىسال:] كېيىن، ئوردۇ ئاغىسىنىڭ ئىملىشى بىلەن، لېگەنلەردە تاماقلار كۆتۈرگەن چىرايلىق قىزلار كىرىشتى.

ئىممۇنوبىئولوگىيە

  • ئىممۇنوبىئولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىئولوگىيە پەنلىرى ئىچىدىكى بىر تارماق پەن. جانلىقلارنىڭ ئىممۇنىتېت ھادىسىلىرىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىدۇ.

ئىممۇنوپاتولوگىيە

  • ئىممۇنوپاتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئىممۇنوخىمىيە

  • ئىممۇنوخىمىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئەمەلىي خىمىيە، بولۇپمۇ بىئوخىمىيىنىڭ تېخنىكلىرى ۋە ئۇقۇملىرى ئارقىلىق ئىممۇنىتېت ھادىسىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئىممۇنوفارماكولوگىيە

  • ئىممۇنوفارماكولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئىممۇنىتېت پەيدا قىلغۇچى دورىلار، ئۇلارنىڭ ئۈنۈمى، ئالاھىدىلىكى، تەسىرى ۋە داۋالاش قىممىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئىممۇنوگېماتولوگىيە

  • ئىممۇنوگېماتولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئىممۇنولوگىيىنىڭ نەزەرىيە ۋە مېتودىنى قوللىنىپ قاننى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئىممۇنوگېن

  • ئىممۇنوگېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] يېڭى تىرىك ئورگانىزمدىن ئېلىنىپ ياسىلىدىغان بىر خىل ئانتىگېن.

ئىممۇنوگېنېتىكا

  • ئىممۇنوگېنېتىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىممۇنولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى. كېسەللىكلەردىكى ئىممۇنىتېت بىلەن ئىرسىيەت ئامىللىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئىممۇنولوگىيە

  • ئىممۇنولوگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسى ۋە ئىممۇنىتېت ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئىممۇنولوگىيىلىك

  • ئىممۇنولوگىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىممۇنولوگىيىگە ئائىت، ئىممۇنولوگىيىگە ئالاقىدار بولغان:[مىسال:] ئىممۇنولوگىيىلىك مۇداپىئە.

ئىممۇنىتېت

  • ئىممۇنىتېت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ «ئۆزى» ۋە «يات» نىڭ تەركىبىنى پەرق ئېتىپ، يات نەرسىلەرنى چەتكە قېقىشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسى.

ئىممۇنىتېتچان

  • ئىممۇنىتېتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ «ئۆزى» ۋە «يات» نىڭ تەركىبىنى پەرق ئېتىش، يات نەرسىلەرنى چەتكە قېقىشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىگە ئىگە بولغان.

ئىممۇنىتېتچانلىق

  • ئىممۇنىتېتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ «ئۆزى»ۋە«يات»نىڭ تەركىبىنى پەرق ئېتىش، يات نەرسىلەرنى چەتكە قېقىشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيىلىك فونىكسىيىگە ئىگەبولغان ھالىتى:[مىسال:] ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان: ئىممۇنىتېتچانلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەسئۇل بولغان مەلۇم بىئولوگىك گىنىتىكا ئىككىنچى X خروموسومى ئىچىدە بولىدۇ.

ئىممۇنىتېتلىغۇچى

  • ئىممۇنىتېتلىغۇچى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلىدىغان، ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلىش رولىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزمدا ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلغۇچى ماددا.

ئىممۇنىتېتلىق

  • ئىممۇنىتېتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىممونىتېتى بار، ئىممۇنىتېتقا ئىگە:[مىسال:] ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپلاشقان ھۈجەيرە.

ئىمىر-چىمىر

  • ئىمىر-چىمىر[يەشمىسى:] ① ئوچۇق ئەمەس، پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان؛ تۇتۇق (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] لېكىن ئۇنىڭ كاللىسىغا ھېچ نەرسە چۈشمىدى، كۆزلىرى ئىمىر-چىمىر بولۇپ، قاتتىق ھارغىنلىق ھېس قىلدى.[يەشمىسى:] ② ھەر خىل سىزىقلار، رەڭلەر ئۆزئارا قالايمىقان ھالەتتە كېسىشكەن، رەتسىز، تەرتىپسىز:[مىسال:] ئىمىر-چىمىر خەت. خەتنى ئىمىر-چىمىر يازماق.

ئىمىش

  • ئىمىش[يەشمىسى:] ① مەلۇم پاكىتلارغا ياكى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسەن كېيىن بىلگەن ياكى يېڭىدىن بىلگەن تەرزدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان، يەنى «ئىكەن» مەنىدىكى ياردەمچى سۆز:[مىسال:] كارىز سۈيى تاتلىق بولار ئىمىش. * ئاق ئەتىرگۈل بوغىنىم، بولدى ئېغىر جىنايەت. چۈنكى ئىمىش ئاق رەڭگىم گۈزەللىككە خىيانەت.[يەشمىسى:] ② جۈملىدىكى ئىشنىڭ باشقىلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتىلغانلىقىنى ھەم بۇ ئىشنىڭ سۆز بولۇۋاتقان ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۈگۈنكى كىنو بەك ياخشى ئىمىش. * سەن بەك ھاكاۋۇر ئىمىشسەن، ئۇ سەندىن قورقار ئىمىش.[يەشمىسى:] ③ ئىگە-خەۋەر مۇناسىۋىتىدىكى جۈملىلەردە خەۋەرنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ، باشقىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى مەنسىتمەسلىك، مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:例ې

ئىمزالاتماق

  • ئىمزالاتماق[يەشمىسى:] «ئىمزالىماق» پېئىلىنىڭ مەجدى خوتۇنى ئادىلنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ.

ئىنⅠ

  • ئىنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاشارات ۋە ھايۋانلارنىڭ ياتىدىغان جايى:[مىسال:] ئېيىق ئىنى. * نېمىشقا باھار كەلسە بارچە ئادەم، گۈزەللىك تۇيغۇسىغا كۆمۈلىدۇ ئىنىدىن چىقىپ جىمى جان-جانىۋار، پاراغەت دەرياسىغا چۆمۈلىدۇ؟

ئىنⅡ

  • ئىنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. . [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «بۆلە»گە قاراڭ.

ئىناق

  • ئىناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دوستانە، ئېجىل:[مىسال:] ئىناق ئائىلە جەننەتتەك گۈزەل، ئاشۇ جەننەتتە پەرزەنتۇر مېۋە. ئۇلار ئۇزۇن يىللار ئىناق ياشاپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

ئىناقسىز

  • ئىناقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىناق ئەمەس، ئىناق بولمىغان، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى يىرىك:[مىسال:] ئىناقسىز ئائىلە. ئىناقسىز جەمئىيەت.

ئىناقسىزلىق

  • ئىناقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىناق بولالماسلىق، يىرىكلىك (مۇناسىۋەتتە):[مىسال:] ئەگەر سۆز-چۆچەك كۆپىيىۋەرسە يولداشلار ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا بولىدۇ.

ئىناقلاشتۇرماق

  • ئىناقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىناقلاشماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىناقلاشماق

  • ئىناقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتمەك، ئىناق، ئىتتىپاق بولماق:[مىسال:] ھېيت-ھەممە كىشى شاد-خۇراملىققا چۆمىدىغان، ئۇرۇق-تۇغقان، ئاغىنە-بۇرادەرلەر بىر-بىرىنى يوقلايدىغان، ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ئىناقلىشىپ قالىدىغان كۈن.

ئىناقلىق

  • ئىناقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىناق ھالەت، ئىتتىپاقلىق:[مىسال:] ھەممە كىشى ئىتتىپاقلىققا، ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىشتەك ياخشى كەيپىيات تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە.

ئىنئام

  • ئىنئام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر تەشكىلات، كوللېكتىپ ياكى شەخس تەرىپىدىن بېرىلگەن سوۋغا؛ ھەدىيە، تارتۇق، مۇكاپات:[مىسال:] ئىنئام بەرمەك. ئىنئام ئالماق. ئىنئام قىلماق.

ئىنانچى

  • ئىنانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] قەدىمكى مەنسەپ ياكى ھۆرمەت نامى.

ئىنانماق

  • ئىنانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئىشەنمەك؛ ئېتىقاد قىلماق.

ئىناۋەت

  • ئىناۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خەلق ئىچىدە ئېرىشكەن ھۆرمەت، ئىززەت، ئابرۇي، نوپۇز:[مىسال:] ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.[يەشمىسى:] ② نەزەر، ئېتىبار:[مىسال:] ئىناۋەتكە ئالماق.

ئىناۋەتسىز

  • ئىناۋەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىناۋىتى يوق، ئىناۋىتى بولمىغان، ئىناۋەتكە ئېلىنمايدىغان:[مىسال:] ئىناۋەتسىز ئادەم.[يەشمىسى:] ② كۈچتىن قالغان، كۈچكە ئىگە ئەمەس:[مىسال:] ئىناۋەتسىز تالون.

ئىناۋەتسىز قىلماق

  • ئىناۋەتسىز قىلماق[يەشمىسى:] كۈچتىن قالدۇرماق، بىكار قىلماق.

ئىناۋەتسىزلىك

  • ئىناۋەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىناۋىتى يوقلۇق، ئىناۋىتى بولماسلىق، ئىناۋەتكە ئېلىنماسلىق؛ ئابرۇيسىزلىق، كۈچتىن قىلىش.

ئىناۋەتلىك

  • ئىناۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىناۋىتى بار، ئىناۋەتكە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئىناۋەتلىك ئادەم. * شاھزادە ئامان ئون سەككىز ياشقا كىرگەندە، قىدىرشاھ كاتتا توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋەزىرىنىڭ مەلىكە گۈلچېھرە ئىسىملىك قىزىنى ئېلىپ بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② كۈچتىن قالمىغان، كۈچكە ئىگە، ئۆتىدىغان:[مىسال:] ئۆتكەن قېتىمقى ئۇقتۇرۇش ھازىرمۇ ئىناۋەتلىك، ئۇ تېخى كۈچتىن قالغىنى يوق.

ئىنايەت

  • ئىنايەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەرھەمەت، ئىلتىپات، ياردەم، ياخشىلىق:[مىسال:] ئاللانىڭ ئىنايىتى بىلەن مىڭئاياغ، قىرقئاياغ ۋە چايانلار ھالاك بولدى.

ئىنەك

  • ئىنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىشى كالا، سىيىر:[مىسال:] ئىنەكنىڭ سۈتى ئاغزىدا (ماقال).

ئىنەكپىتى

  • ئىنەكپىتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ئىنەك+پىت+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئابدىمىلىك»كە قاراڭ.

ئىن-تاڭ

  • ئىن-تاڭ[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئىككى خىيال، دېلىغۇل. [يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھاڭ-تاڭ.

ئىنتايىن

  • ئىنتايىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزى ئېنىقلىماقچى بولغان سۆزنى كۈچەيتىپ، «ناھايىتى، قالتىس، بەك» دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ:[مىسال:] ئىنتايىن مۇھىم. ئىنتايىن جىددىي.

ئىنترادا

  • ئىنترادا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىتالىيانچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ① كىرىش خاراكتېرلىك مۇزىكىلار. [يەشمىسى:] ② ھەرقانداق ئاھاڭنىڭ كىرىش قىسمى.

ئىنتوناتسىيە

  • ئىنتوناتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىنىڭ نۇتۇق مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ھېس-تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگۈچى تەلەپپۇز ئۇسلۇبى ياكى تاۋۇشنىڭ ئۆزگىرىشىدىن، ئېگىز-پەس بولۇپ تۇرۇشىدىن تەشكىل تاپقان رىتىملىق، ئاھاڭلىق نۇتۇق تۈزۈلۈشى؛ تون.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] گرامماتىكىلىق ۋاسىتىلەردىن بىرى، يەنى جۈملىنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئاۋازنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك، ئۇزۇن-قىسقىلىق، كۈچلۈك-ئاجىزلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ئاھاڭنىڭ ئەڭ كىچىك مۇستەقىل قىياپىتىگە ئىگە قىسمى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] مۇزىكا ئىجراسىدىكى ئاۋازلارنىڭ ئېگىز-پەسلىك مۇناسىۋىتى.

ئىنتوناتسىيىلىك

  • ئىنتوناتسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتوناتسىيىسى بار، ئىنتوناتسىيىسى بولغان.

ئىنتېرفېرومېتىر

  • ئىنتېرفېرومېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە+گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] دولقۇن ئۇزۇنلۇقى، سپېكترنىڭ ئىنچىكە تۈزۈلۈشلىرى، سۇنۇش نىسبىتى ۋە ئىنتايىن كىچىك بولغان سپېكتر يۆتكىلىشلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆلچەپ بېكىتىدىغان بىر خىل ئەسۋاب.

ئىنتېرفېرېن

  • ئىنتېرفېرېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] توقۇلمىلىق تەربىيىلەشتە ياكى ھايۋانلار ئورگانىزمىدا ۋىرۇسلارنىڭ ياكى باشقا ئىنتېرفېرىننى ئىندۇكسىيىلىگۈچى دورىلارنىڭ رولى بىلەن ھاسىل بولغان، ۋىرۇسلارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىگۈچى ئېرىشچان ئاقسىل.

ئىنتېرفېرېنسىيە

  • ئىنتېرفېرېنسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق دولقۇن مەنبەسىدىن چىققان، مۇئەييەن شەرتنى قانائەتلەندۈرىدىغان دولقۇنلار بوشلۇقتا قاتلانغاندا كېسىشىش نۇقتىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىدا يۈز بېرىدىغان بىر-بىرىنى كۈچەيتىش ياكى ئاجىزلىتىش ھادىسىسى.

ئىنتېرفېرېنسىيىلىك

  • ئىنتېرفېرېنسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتېرفېرېنسىيە ھاسىل قىلىدىغان، ئىنتېرفېرېنسىيىسى بار، ئىنتېفېرېنسىيىگە ئىگە:[مىسال:] ئىنتېرفېرېنسىيىلىك يورۇقلۇق سۈزگۈچ.

ئىنتېرناتسىئونال

  • ئىنتېرناتسىئونال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] خەلقئارا سىياسىي تەشكىلات يەنى پۈتۈن دۇنيا كوممۇنىستىك پارتىيىلىرى بىلەن كوممۇنىزم تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1-ئىنتېرناتسىئونال 1864-يىلى لوندوندا تەسىس قىلىنغان. 3-ئىنتېرناتسىئونال لېنىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1919-يىلى موسكىۋادا قۇرۇلغان.

ئىنتېرناتسىئونالچى

  • ئىنتېرناتسىئونالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنتېرناتسىئونال تەرەپدارى.

ئىنتېرناتسىئونالىزم

  • ئىنتېرناتسىئونالىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماركسىزمنىڭ خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ئىدىيىسى، خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى پرىنسىپلىرىدىن بىرى.

ئىنتېرناتسىئونالىزملىق

  • ئىنتېرناتسىئونالىزملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتېرناتسىئونالىزم ئىدىيىسى سىڭگەن، ئىنتېرناتسىئونالىزم روھىغا ئىگە بولغان:[مىسال:] كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كەلگۈسى مەنپەئەتكە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغان يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەر ۋە ئىنتېرناتسىئونالىزملىق روھىنى جارى قىلدۇرىدىغان بولۇش لازىم.

ئىنتېرۋال

  • ئىنتېرۋال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئىككى مۇزىكىلىق ئاۋاز ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋازنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتى. ئادەتتە گرادۇس ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

ئىنتېگرال

  • ئىنتېگرال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماانلار يىغىندىسى سۈپىتىدە قارىلىدىغان پۈتۈن مىقدار.

ئىنتېگراللانغۇچى

  • ئىنتېگراللانغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتېگراللىنىدىغان:[مىسال:] ئىنتېگراللانغۇچى فۇنكسىيە. ئىنتېگراللانغۇچى ئىپادە.

ئىنتېگراللانماق

  • ئىنتېگراللانماق[يەشمىسى:] «ئىنتېگراللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىنتېگراللىماق

  • ئىنتېگراللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بېرىلگەن فونكسىيىنىڭ دەسلەپكى فۇنكسىيىسىنى تاپماق.

ئىنتىزار

  • ئىنتىزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەقەززا بولۇش، كۈتۈش:[مىسال:] سىزنىڭ تېزراق قايتىپ كېلىشىڭىزگە ئىنتىزار بولغانىدىم.

ئىنتىزارلىق

  • ئىنتىزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەقەززالىق بىلەن كۈتۈش، تەقەززالىق:[مىسال:] ئايخان موماي بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمەيتتى. ئەمما كۆزلىرى بىلەن يىراقلارغا تەلمۈرۈپ، يورۇقلۇقنى چەكسىز سېغىنغان ئىنتىزارلىق قەلبىنى نامايىش قىلاتتى.

ئىنتىزام

  • ئىنتىزام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] پارتىيە، ئورگان، ھەربىي قىسىم، تەشكىلات، كارخانا قاتارلىقلار كوللېكتىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە خىزمەتنى نورمال ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزگەن، ھەربىر كىشىنىڭ رىئايە قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدە-تەرتىپ:[مىسال:] پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلىبە ياتىدۇ.

ئىنتىزام جازاسى

  • ئىنتىزام جازاسى[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] مەمۇرىي جازا ۋە پارتىيە ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئالاقىدار قائىدە-تۈزۈملەرگە ئاساسەن قوللىنىلىدىغان جازاسى.

ئىنتىزامچان

  • ئىنتىزامچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان، تەرتىپلىك:[مىسال:] ئىنتىزامچان ئوقۇغۇچى. ئىنتىزامچان كىشى.

ئىنتىزامچانلىق

  • ئىنتىزامچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنۇش:[مىسال:] لەيلىگۈل ئۇلارنىڭ غايىسى، ئەمگەك جاسارىتى، ئىنتىزامچانلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى.

ئىنتىزامسىز

  • ئىنتىزامسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتىزامى يوق، ئىنتىزامغا ئەمەل قىلمايدىغان، بويسۇنمايدىغان، تەرتىپسىز.

ئىنتىزامسىزلىق

  • ئىنتىزامسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنتىزامغا ئەمەل قىلماسلىق، بويسۇنماسلىق، تەرتىپسىزلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىش تاشلاپ چىقىپ كەتكىنى، چېكىدىن ئاشقان ئىنتىزامسىزلىق.

ئىنتىزاملىق

  • ئىنتىزاملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، بويسۇنىدىغان:[مىسال:] ئىنتىزاملىق سىنىپ. ئىنتىزاملىق بالا.

ئىنتىقام

  • ئىنتىقام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر سەۋەب ياكى دۈشمەنلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئۆچ؛ قىساس:[مىسال:] ئىنتىقام ئالماق.

ئىنتىلدۈرمەك

  • ئىنتىلدۈرمەك[يەشمىسى:] «ئىنتىلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىنتىلمەك

  • ئىنتىلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە، بىرەر كىمگە ۋە ياكى بىرەر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق؛ قىزىقماق، تەلمۈرمەك:[مىسال:] دەرسكە ئىنتىلمەك. كېلەچەككە ئىنتىلمەك.

ئىنتىلىشچان

  • ئىنتىلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنتىلىشكە ئادەتلەنگەن؛ ئىنتىلىپ تۇرىدىغان، ئىنتىلىدىغان:[مىسال:] ئىنتىلىشچان ھەرىكەت.

ئىنتىلىشچانلىق

  • ئىنتىلىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنتىلىشكە ئادەتلىنىش، ئىنتىلىپ تۇرۇش، ئىنتىلىش.

ئىنتىلىشمەك

  • ئىنتىلىشمەك[يەشمىسى:] «ئىنتىلمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىنتىم

  • ئىنتىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] يۈرەكتىكى سىر، ھېس-تۇيغۇ ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىت؛ يۈرەكتىكى؛ سىرلىق:[مىسال:] ئىنتىم لىرىكا.

ئىنتىم لىرىكا

  • ئىنتىم لىرىكا[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] شائىرنىڭ قەلبىدىكى تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى لىرىك شېئىر.

ئىنجاⅠ

  • ئىنجاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سادا، ئىنكاس.

ئىنجاⅡ(ئىنجاسى)

  • ئىنجاⅡ(ئىنجاسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىككۈچىلىكتە كىيىملەرنىڭ بەل قىسمىنى ئىنچىكىرەك چىقىرىش ئۈچۈن رەختنىڭ ئازراق يېرىنى قاتلاپ ئۈستىدىن تىكىلگەن تىكىش.[يەشمىسى:] ② كىيىمنى بەدەن قۇرۇلمىسىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ۋە زىننەت كىرگۈزۈش يۈزىسىدىن، كىيىمنىڭ ھەربىر مۇناسىپ ئورۇنلىرىغا ئېلىنىدىغان ھەر خىل كېسىلمە ۋە قاتلىما بۆلەكلەر.

ئىنجاⅢ

  • ئىنجاⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئورۇق، ئاۋاق، ئاجىز، زەئىپ.

ئىنجىتماق

  • ئىنجىتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] رەنجىتمەك.

ئىنجىق

  • ئىنجىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر يەر ئاغرىغاندا ياكى بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئاجىز كەلگەندىكى كۈچىنىش، چىڭقىلىش:[مىسال:] قان سادەتخاننىڭ ماغدۇرسىز ۋۇجۇدىغا كۈچ بېغىشلىدى. ئىنجىق، تولغاق باشلاندى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىشنى غاچ-غاچ قىلمايدىغان، ھەرىكىتى ئاستا؛ مىس-مىس:[مىسال:] ئىنجىق ئادەم. ئىنجىق ئايال. ئۇ ئىنجىقنى نەدىنمۇ تاپقانسەن

ئىنجىقلاتماق

  • ئىنجىقلاتماق[يەشمىسى:] «ئىنجىقلىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىنجىقلاشماق

  • ئىنجىقلاشماق[يەشمىسى:] «ئىنجىقلىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ئىنجىقلىق

  • ئىنجىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېزىلەڭگۈلۈك، لايغەزەللىك؛ مىس-مىسلىق:[مىسال:] -ئاقچاڭنى بىركۈنى ئالىسەن، يۇقىرىنىڭ قارارىنى سەنمۇ ئاڭلىغانغۇ، تولا ئىنجىقلىق قىلمىساڭچى-دېدى ئۇ.

ئىنجىقلىماق

  • ئىنجىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى كۈچەپ قىلىش ئۈچۈن چىڭقالماق:[مىسال:] ئايال ئىككى چېلەك سۇنى ئىنجىقلاپ ئالدى-دە، ئەپكىشىگە تايىنىپ دېمىنى ئالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى بېرىش ئېغىر كەلمەك، تەس كەلمەك:[مىسال:] -ئالغاندا خوش-خوش دەپ ئالىسىز، ئەمدى بېرىدىغان چاغدا ئىنجىقلايسىزغۇ، -دېدى ئاسىم.

ئىنجىل

  • ئىنجىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئاللاھدىن ئەيسا پەيغەمبەرگە ئەۋەتىلگەن دەپ قارىلىدىغان خرىستىئان دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى.

ئىنجىمارۇق

  • ئىنجىمارۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئورۇق، ئاۋاق، ئاجىز:[مىسال:] ئەكسىچە بۇ ئىنجمارۇق ئايال جاھىللىق بىلەن كۆزىنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇۋالدى. سەپرايىمنى ئۆرلەتمە ھازىر ئۇجۇقتۇرۇۋېتىمەن يا ئۆلمىدى بۇ ئىنجىمارۇق، جىن تەپكەنلەر.

ئىنچىكە

  • ئىنچىكە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① توم ئەمەس، «توم» نىڭ ئەكسى يەنى توغرا كەسمىسى، ئايلانمىسى كىچىك:[مىسال:] ئىنچىكە ياغاچ. ئىنچىكە يىپ. * ئۇ سەۋزىنى ئىنچىكە توغراپ، پولو ئېتىشكە تۇتۇندى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زىل، بوم ئەمەس:[مىسال:] ناخشا ئىنچىكە ئاۋازدا ئېيتىلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەپسىلىي، تۈجۈپىلەپ:[مىسال:] ھەممىلا يەردە ئىنچىكە ھېسابلاپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نازۇك:[مىسال:] ئەدەبىي تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش زىممىمىزدىكى مۈشكۈل ۋەزىپە، شۇنداقلا ئىنچىكە خىزمەت.

ئىنچىكە بەل

  • ئىنچىكە بەل[يەشمىسى:] ئادەم سۆڭگىچىنىڭ ئۈستى، يېتىم قوۋۇرغىسىنىڭ ئاستىنقى قىسمى.

ئىنچىكە تىلى بار

  • ئىنچىكە تىلى بار[يەشمىسى:] ئاغزىدا دېگىنى بىلەن كۆڭلىگە پۈككىنى ئوخشىمايدىغان، راست گېپىنى بىلگىلى بولمايدىغان، كۆڭلىدە سىر ساقلايدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىنچىكە تىلى بارلىقىنى كىم بىلسۇن

ئىنچىكە سۇۋاق

  • ئىنچىكە سۇۋاق[يەشمىسى:] تامچىلىقتا قارا سۇۋاقنىڭ ئۈستىگە بېرىدىغان پەرداز سوۋاق.

ئىنچىكە ئۈچەي

  • ئىنچىكە ئۈچەي[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئۈچەينىڭ ئاشقازان چىقىرىش ئېغىزىدىن باشلاپ سوقۇر ئۈچەيىگە بولغان بۆلىكى.

ئىنچىكىلەتمەك

  • ئىنچىكىلەتمەك[يەشمىسى:] «ئىنچىكىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىنچىكىلەشتۈرمەك

  • ئىنچىكىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ئىنچىكىلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىنچىكىلەشمەك

  • ئىنچىكىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىنچىكە بولماق، ئىنچىكىلىمەك. [يەشمىسى:] ② نازۇك، زىل بولۇپ كەتمەك (مىجەز، خۇلق جەھەتتە).

ئىنچىكىلەنمەك

  • ئىنچىكىلەنمەك[يەشمىسى:] «ئىنچىكىلىمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىنچىكىلىك

  • ئىنچىكىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنچىكە، زىل ياكى نازۇك ھالەت:[مىسال:] بۇ ئىش ئىنچىكىلىك ۋە سەۋىرچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. * مەنمۇ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي، مۇيەسسەرنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ جىممىدە ئولتۇردۇم.

ئىنچىكىلىمەك

  • ئىنچىكىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① توغرا كەسمىسى، ئايلانمىسى، كىچىك بولۇپ قالماق، كىچىكلىمەك:[مىسال:] تولا تۇتۇپ رېشاتكىمۇ ئىنچىكىلەپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈل قويماق، زېھنىنى، دىققىتىنى يىغماق:[مىسال:] مەن ياتىقىمغا قايتىپ كېلىپ، بۇ خەتنى ئىنچىكىلەپ ئوقۇپ چىقتىم.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سۈرۈشتۈرمەك، زىغىرلىماق:[مىسال:] ئەجەب ئىنچىكىلەپ سوراپ كەتتىڭىز، ئۇياقنى تونامسىز قانداق[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سىنچىلىماق، بىرمۇ بىر قارىماق:[مىسال:] گۈلخان، ئىنچىكىلەپ قاراپ: - دەل شۇ يوقالغان ئون تاغار ئەمەسمۇ، -دېدى.

ئىندوس

  • ئىندوس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئىندوس قومۇشى»غا قاراڭ.

ئىندوس قومۇشى

  • ئىندوس قومۇشى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بامبۇكنىڭ بىر تۈرى. غولىنىڭ ئېگىزلىكى 1-5.1 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئوتتۇرىسى كاۋاك، بوغۇمى روشەن كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم چوڭ بولۇپ، كۈز پەسلىدە گىرۋەكلىرى ئاقىرىدۇ. يوپۇرمىقىدىن ئائىلە جابدۇقلىرىنى، قالپاق قاتارلىقلارنى توقۇشقا ياكى ئۇنىڭ بىلەن زۇڭزا ئوراشقا بولىدۇ.

ئىندول

  • ئىندول[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C8H7N. رەڭسىز ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك ياپراقسىمان كرستال. كوكس مېيى ۋە چىرىگەن ئاقسىللاردا ساقلىنىدۇ. پۇراقلىق ماتېرىيال، بوياق ۋە دورا ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىندۇكتور

  • ئىندۇكتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىندۇكتىپلىق تەسىرنى پەيدا قىلالايدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە كاتۇشكىدىن تۈزۈلىدۇ. شۇڭا يەنە «ئىندۇكتىپلىق كاتۇشكا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئىندۇكتىپ

  • ئىندۇكتىپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىندۇكسىيىگە ئائىت؛ ئىندۇكسىيىگە ئاساسلانغان؛ ئىندۇكسىيە ئارقىلىق سادىر بولىدىغان، ۋۇجۇدقا كېلىدىغان:[مىسال:] ئىندۇكتىپ رېئاكتىپ قارشىلىق.

ئىندۇكسىئون

  • ئىندۇكسىئون[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئىندۇكسىيىگە ئائىت؛ ئىندۇكسىيە نەتىجىسىدە پەيدا بولغان:[مىسال:] ئىندۇكسىئون توك. ئىندۇكسىئون زەرەت.

ئىندۇكسىيە

  • ئىندۇكسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① 专چ ئىناق ئائىلە جەننەتتەك گۈزەل، ئاشۇ جەنىقىرىش، ئايرىم پاكىتلاردىن ئومۇمىي خۇلاسىگە كېلىش. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بەزى جىسىملارغا ياكى ئېلېكتر ماگنىت قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئېلېكتر مەيدانى ياكى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن ئېلېكتر ماگنىتلىق ھالىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى.

ئىندۇكسىيىلەنمەك

  • ئىندۇكسىيىلەنمەك[يەشمىسى:] «ئىندۇكسىيىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىندۇكسىيىلىك

  • ئىندۇكسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىندۇكسىيىسى بار، ئىندۇكسىيىگە ئىگە:[مىسال:] ئىندۇكسىيىلىك ئەقلىي خۇلاسە.

ئىندۇكسىيىلىك توك

  • ئىندۇكسىيىلىك توك[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسىدىن ھاسىل بولغان توك. مەسىلەن، شەھەر ئاھالىسىنى تەمىنلەيدىغان توك ئىندۇكسىيىلىك توكتۇر.

ئىندۇكسىيىلىمەك

  • ئىندۇكسىيىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىندۇكسىيە ياكى ئىندۇكسىيە ھادىسىسىنى پەيدا قىلماق.

ئىندېكس

  • ئىندېكس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، ئەسەرلەر، ئۇلاردىكى سۆز-ئىبارىلەر قاتارلىقلارنى ئۆز تۈرى بويىچە ياكى مەزمۇن-مەنىسى بويىچە خاتىرىلىۋېلىپ، ھەربىرىنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىپ، بەلگىلىك رەت-تەرتىپ بويىچە رەتلەپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان ماتېرىيال:[مىسال:] كىتابلار ئىندېكىسى. تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئىندېكىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئاساسەن بەلگە ئاستىغا قۇيۇلىدىغان ھەرپلىك ياكى سانلىق كۆرسەتكۈچ.

ئىندېكىسلىق

  • ئىندېكىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىندېكسى بار، ئىندېكسى ئىشلەنگەن.

ئىندېن

  • ئىندېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C9H8 رەڭسىز سۇيۇقلۇق. خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ، ئوڭايلا پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسىنى پەيدا قىلىدۇ. سىنتېتىك سىمولا ئىشلەشنىڭ خام ئەشياسى. ئادەتتە باشقا سۇيۇق ھالەتتىكى ئالكانلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سىرنىڭ ئېرىتكۈچىسى قىلىنىدۇ.

ئىندىئان

  • ئىندىئان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ ئىسىمنى كولۇمبو (Gristoforo Colombo 1541-6051)ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئاھالىلارغا ئىسىم قىلىپ قويغان. كېيىن بۇ ئۇلارنىڭ رەسمىي مىللەت نامى بولۇپ قالغان. ئىندىئانلارنىڭ تېرىسى قىزىلغا مايىل قارا بولۇپ، ئىلگىرى قىزىل ئىرقتىكىلەر دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئولتۇراقلاشقان.

ئىندىكاتور

  • ئىندىكاتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر تۈردىكى خىمىيىۋى رېئاكتىپ. ئۇ ماددىلارنىڭ مەلۇم بىرىكمە، ئېلېمېنت ياكى ئىئونىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكشۈرۈشتە ياكى شۇ ماددىنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئىندىكاتورلارنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشى نۇرلىنىش ئۆزگىرىشى ياكى لايىقلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پايدىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتلار ئاسان پەرقلەندۈرۈلەيدىغان، شۇنىڭدەك ئىز كۆرسىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ماددا. رادىئوئاكتىپ ئىندىكاتور ۋە كەم ئۇچرايدىغان تۇراقلىق ئىزوتوپ ئىندىكاتورلىرى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

ئىندىن

  • ئىندىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆگۈندىن كېيىنكى چىندىندىن بۇرۇنقى كۈن.

ئىندىنلىق

  • ئىندىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىندىن كۈن:[مىسال:] ئۇ ئىندىنلىققا كېلىدۇ. * ئىندىنلىققا يولغا چىقىمىز.

ئىندىۋىد

  • ئىندىۋىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئۆزىگە مۇستەقىل ھەربىر تىرىك نەرسە (يەنى ئورگانىزم، جانىۋار ياكى ئۆسۈملۈك).

ئىندىۋىدلىق

  • ئىندىۋىدلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىندىۋىدى بار، ئىندىۋىدقا ئىگە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىندىۋىدى بار ھالەتتە، ئىندىۋىدقا ئىگە ھالدا:[مىسال:] ئىندىۋىدلىق يېتىلىش.

ئىندىۋىدۇئال

  • ئىندىۋىدۇئال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بىرەر شەخسكە خاس، شەخسىي، خۇسۇسىي:[مىسال:] ئىندىۋىدۇئال خۇسۇسىيەت.

ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرماق

  • ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىندۋىدئاللاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىندىۋىدۇئاللاشماق

  • ئىندىۋىدۇئاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خاسلاشماق، خۇسۇسىيلاشماق.

ئىندىۋىدۇئاللىق

  • ئىندىۋىدۇئاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ①>پىسخول<[يەشمىسى:] كىشىنىڭ مەلۇم ئىجتىمائىي شارائىت ۋە تەربىيە ئارقىسىدا شەكىللەنگەن بىرقەدەر تۇراقلىق خۇسۇسىيىتى. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكى.

ئىندىي

  • ئىندىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى In (indium). كۈمۈش رەڭدە، سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە، قوغۇشۇندىن يۇمشاق. ئادەتتە قېتىشما ئىشلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە كۆزىتىش چىرىغىنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىنىڭ نۇر قايتۇرۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرالايدۇ.

ئىنژېنېر

  • ئىنژېنېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] تېخنىك خادىملارغا بېرىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىلمىي ئۇنۋان ياكى تېخنىكىنىڭ بىرەر ساھەسى بويىچە ئالىي مەلۇماتقا ئىگە بولغان مۇتەخەسسىس.

ئىنژېنېرلىق

  • ئىنژېنېرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنژېنېرغا يۈكلەنگەن خىزمەت، ۋەزىپە:[مىسال:] ئىنژېنېرلىق قىلماق.

ئىنساپ

  • ئىنساپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەرقانداق ئىشنى ئادالەت ۋە ۋىجدان بىلەن قىلىش تۇيغۇسى، قابىلىيىتى؛ توغرىلىق، ئادىللىق، ھالاللىق؛ رەھىمدىللىق:[مىسال:] ئىنساپ بىلەن ئىش قىلماق.

ئىنساپ-تەۋپىق

  • ئىنساپ-تەۋپىق[يەشمىسى:] ئىنساپ ۋە تەۋپىق:[مىسال:] - خۇدايىتائالادىن خامۇشقا ئىنساپ-تەۋپىق تىلەيلى، مۇبادا يامانلىق قىلىمەن دېسە، جازاسىنى خۇدايىم بەرسۇن، -دېدى تۆمۈر خەلپە.

ئىنساپ-دىيانەت

  • ئىنساپ-دىيانەت[يەشمىسى:] ئىنساپ ۋە دىيانەت:[مىسال:] -بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان، ئىنساپ-دىيانەت مۇسۇلمان ئەقىدىسىنىڭ جەۋھىرى.

ئىنساپسىز

  • ئىنساپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنساپى يوق، ئىنساپى قالمىغان:[مىسال:] ئىنساپسىز بالا. * ئىنساپسىز قوشۇق سالسا، يەتتە ئوتلاپتۇ (ماقال).

ئىنساپسىزلىق

  • ئىنساپسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنساپ قىلماسلىق:[مىسال:] ئىنساپسىزلىق قىلماق.

ئىنساپلىق

  • ئىنساپلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنساپى بار، ئىنساپنى ئونتومىغان:[مىسال:] داداڭ ئۆزى كەمبەغەل بولغان بىلەن كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقىدىغان ئىنساپلىق، ئىشچان ئادەم ئىدى. ئىنساپلىقنىڭ دىلى ساپ (ماقال).

ئىنسان

  • ئىنسان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەم، كىشى:[مىسال:] ئىنسان بالىسى. دۇنيادا ناخشا ئېيتمىغان ۋە ئۇنى چىن يۈرىكىدىن سۆيۈپ ئاڭلىمىغان بىرەر ئىنسان بارمىكىن

ئىنسان قېلىپىدىن چىقماق

  • ئىنسان قېلىپىدىن چىقماق[يەشمىسى:] ئادىمىيلىقىنى يوقاتماق، ۋەھشىيلىك قىلماق:[مىسال:] ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ ياۋۇزلار، يۇرت خەلقىنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتى.

ئىنسانپەرۋەر

  • ئىنسانپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىنسانىيەت مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان:[مىسال:] ئىنساپەرۋەر ئادەم.

ئىنسانپەرۋەرلىك

  • ئىنسانپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىنسانىيەت مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە[يەشمىسى:] ⅩⅣ- ⅩⅥ<ئەسىرلەردىكى ياۋروپا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدە ئىلغار مۇتەپپەككۇرلار مەدرىسە پەلسەپىسى ۋە چېركاۋ ئىدىيىسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان، ئىنسانغا خەيرىخاھلىق قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ئىنساننى مەركەز قىلىدىغان دۇنياقاراش.

ئىنسانچىلىق

  • ئىنسانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنسانغا خاس تۇرمۇش، ھالەت:[مىسال:] ئىنسانچىلىقتا بىلگەن نەرسەڭنى باشقا بىرىگە سۆزلىۋەتمىسەڭ، ئىچىڭ بوشىمىغاندەك قاپقارا بولۇپ يۈرىدىكەنسەن.

ئىنسانشۇناس

  • ئىنسانشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى بويىچە مۇتەخەسسىس، ئالىم.

ئىنسانشۇناسلىق

  • ئىنسانشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئىۋۇليۇتسىيىسى ۋە ئىرقلارنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئىنسانلارچە

  • ئىنسانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىنسانلاردەك، ئىنسانلارغا ئوخشاش:[مىسال:] مەنمۇ بىر ئىنسان، -دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ، -ئىنسان تۇرمۇشىنى ئىنسانچە ئۆتكۈزۈشۈم لازىم.

ئىنسانلىق

  • ئىنسانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنسانغا خاس بولغان، ئىنسانغا خاس:[مىسال:] ئىنسانلىق بۇرچ. * باشقىلار ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىنى كەمسىتىشكە يول قويمايدۇ.

ئىنسانىي

  • ئىنسانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىنسانغا، ئادەمگە خاس؛ ئادەمىي:[مىسال:] يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەت. ئىنسانىي ھۆرمەت. ئىنسانىي نام. ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسى.[يەشمىسى:] ② ئىنسانپەرۋەر، ئادەمىيلىككە مۇۋاپىق:[مىسال:] بىزنىڭ قانۇنلىرىمىز جاھاندا ئەڭ ئادىل ۋە ئىنسانىيدۇر.

ئىنسانىيەت

  • ئىنسانىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىنسانلار، ئادەملەر:[مىسال:] ئىنسانىيەت تارىخى. ئىنسانىەت مەدەنىيىتى.

ئىنسانىيەتچىلىك

  • ئىنسانىيەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۈتۈن ئىنسانلارغا خاس بولغان تۇرمۇش، ئىش-پائالىيەت:[مىسال:] ئۆز پايدىسىنى كۆزلەپ باشقا كىشىلەرگە زىيان سېلىش-ئىنسانىيەتچىلىك ۋە ئىنساپ ئەمەس.

ئىنسانىيلاشتۇرماق

  • ئىنسانىيلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىنسانىيلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىنسانىيلاشماق

  • ئىنسانىيلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىنساننىڭ خاس خۇسۇسىيىتى، تەبىئىتى ئۆزىگە يۈكلەنمەك، ئىنسانلارغا خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولماق.

ئىنسانىيلىق

  • ئىنسانىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىنسانغا، ئادەمگە خاس بولغان ھالەت، ئادەمىيلىك. [يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئادەمدە بولىدىغان نورمال ھېسسىيات ۋە ئەقىل.

ئىنستىتۇت

  • ئىنستىتۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مائارىپ<[يەشمىسى:] ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر خىلى. مەلۇم كەسىپتىكى ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، سانائەت ئىنستىتۇتى، مۇزىكا ئىنستىتۇتى، تېببىي ئىنستىتۇت، پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى دېگەندەك.[يەشمىسى:] ② پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەنلەر بويىچە بۆلۈنگەن تەتقىقات ئورۇنلىرى:[مىسال:] شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل-تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى.

ئىنس-جىن

  • ئىنس-جىن[يەشمىسى:] ئىنسان ۋە جىن.

ئىنسۇجىن

  • ئىنسۇجىن[يەشمىسى:] ئادەم، ئىنسان ۋە جىن-شاياتونلار:[مىسال:] ئىنسۇجىن ئاياغ باسمىغان بىپايان چۆل-دەشتلەر قوينىدا ھاياتلىققا ئىزنا قويۇپ كېتىۋاتىمىز.

ئىنسۇلىن

  • ئىنسۇلىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۇيقۇلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل گورمون. ئۇ جىگەر ۋە مۇسكۇللار ئىچىدە ھايۋان ئاقسىلىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توقۇلمىلاردىكى گلۇكوزىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئوكسىدلىنىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇ ئارقىلىق بەدەندىكى قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تەڭشەيدۇ. ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارىنىڭ كېمىيىشى دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ياسالمىلىرى بىلەن دىئابىت كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

ئىنسىقتى

  • ئىنسىقتى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېزىلەڭگۈ.

ئىنشا

  • ئىنشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا توغرا، چىرايلىق يېزىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە بېرىدىغان يازما مەشىق:[مىسال:] ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ تۆۋەندىكى بىر نۇسخا خەت ئىنشا قىلىندى.

ئىنشائات

  • ئىنشائات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] مەلۇم مەقسەتلەر ئۈچۈن سېلىنغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ جاھازا ئۈسكۈنىلىرى:[مىسال:] سۇ ئىنشائاتى.

ئىنشائاللا

  • ئىنشائاللا[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «خۇدا خالىسا» دېگەن مەنىدىكى ياخشى تىلەكنى بىلدۈرىدىغان سۆز:[مىسال:] ئۇياتماڭ مەلىكەم، ھەرقانداق سىرىڭىز بولسا ئېيتىڭ، ئىنشائاللا بۇ رەنجى ئەلەمدىن خالاس بولغايسىز.

ئىنفرا

  • ئىنفرا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] چاستوتىسى ئىنتايىن تۆۋەن؛ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئادەتتىكىدىن ئۇزۇن؛ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ياكى ئاڭلانمايدىغان (نۇر، ئاۋاز قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئىنفىرا قىزىل نۇر. ئىنفىرا ئاۋاز.

ئىنفرا قىزىل نۇر

  • ئىنفرا قىزىل نۇر[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] دولقۇن ئۇزۇنلۇقى كۆزگە كۆرۈنىدىغان نۇرنىڭكىدىن ئۇزۇن بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. سپېكتردا قىزىل نۇرنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ. دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 3.0 مىللىمېتىردىن 7700 ئانگېستېرمغىچە ئالاھىدە ياسالغان فوتو سۈرەت لېنتىسىغا يورۇقلۇق سەزدۈرىدۇ، تۇماننى يېرىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۆزگە كۆرۈنىدىغان نۇردىن كۈچلۈك. ئادەتتە ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولۇپ، سانائەتتە قىزىتىشنىڭ ئىسسىقلىق مەنبەسى قىلىنىدۇ. ئۇ يەنە تەكشۈرۈش، ئۆلچەش تېبابەتچىلىك قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىنفۇرزورىيە

  • ئىنفۇرزورىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاددىي ھايۋانلارنىڭ بىر كلاسى. تېنىدە تۈكچىلىرى بولۇپ ھەرىكەت قىلىش ۋە ئوزۇقلۇق تۇتۇشتىكى ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ.

ئىنفىلتراتسىيە

  • ئىنفىلتراتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① سۇيۇقلۇقنىڭ تەدرىجىي سىڭىپ كىرىش ھادىسىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بەزى سۇيۇق جىسىملار بەزى قاتتىق جىسىملار بىلەن ئۇچراشقاندا، سۇيۇق جىسىمنىڭ قاتتىق جىسىم يۈزىگە چاپلىشىۋېلىش ھادىسىسى. [يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىدا غەيرىي نورمال ياكى باشقا ماددىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى.

ئىنقىلاب

  • ئىنقىلاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① ئېزىلگۈچى سىنىپلارنىڭ زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، كونا، چىرىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى، ئىلغار بولغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنى بەرپا قىلىشى. ئىنقىلاب كونا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.[يەشمىسى:] ② تۈپتىن قىلىنغان ئىسلاھات، ئۆزگەرتىش:[مىسال:] ئىدىيىۋى ئىنقىلاب. تېخنىكا ئىنقىلابى. سانائەت ئىنقىلابى.

ئىنقىلابچى

  • ئىنقىلابچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنقىلاب قىلغۇچى، ئىنقىلابى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچى:[مىسال:] سادىر پالۋان يالغۇز ئىنقىلابچىلا بولۇپ قالماي، بەلكى ۋايىغا يەتكەن خەلق قوشاقچىسى ئىدى.

ئىنقىلابىي

  • ئىنقىلابىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنقىلابقا، ئائىت؛ ئىنقىلاب روھى بىلەن سۇغىرىلغان:[مىسال:] ئىنقىلابىي ھەرىكەت. ئىنقىلابىي روھ.

ئىنقىلابىيلاشتۇرماق

  • ئىنقىلابىيلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىنقىلابىيلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياشلارنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.

ئىنقىلابىيلاشتۇرۇلماق

  • ئىنقىلابىيلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ئىنقىلابىيلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىنقىلابىيلاشماق

  • ئىنقىلابىيلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىقىلابىي روھ بىلەن سۇغىرىلماق:[مىسال:] كادىرلار قوشۇنىدا ئىنقىلابىيلىشىش، بىلىم ئەھلىگە، كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىش، ياشلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىنقىلابىيلىق

  • ئىنقىلابىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنقىلابىي خۇسۇسىيەت:[مىسال:] شائىر ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى بىلەن، ئىنقىلابىيلىقنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

ئىنكار

  • ئىنكار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەن ئالماسلىق، قوبۇل قىلماسلىق، تەستىقلىماسلىق؛ رەت:[مىسال:] ئىنكار قىلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى تەرەپ:[مىسال:] ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنىيىتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەن ئالمىغان، قوبۇل قىلىنمىغان ياكى قىلىنمايدىغان، رەت قىلىنغان، تەستىقلانمىغان:[مىسال:] ئىنكار تېئورېما. ئىنكار شەكىل. ئىنكار قاپقاق. ئىنكار مەسىلە.

ئىنكارچى

  • ئىنكارچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنكار قىلغۇچى، ئىنكار قىلىدىغان:[مىسال:] يوق... ئىنكارچى پەيلاسوپنىڭ سۆزى يادىمدا بار ئىدى، شۇڭا شۇنداق جاۋاب بەردىم.

ئىنكارچىلىق

  • ئىنكارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى ھەتتا ھەممىنى تەھلىل قىلىپ كۆرمەي، قارىغۇلارچە ئىنكار قىلىدىغان ئىدىيىۋى خاھىش.

ئىنكاس

  • ئىنكاس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەينەكتە، سۇدا، ئومۇمەن يالتىراق نەرسە يۈزىدە ئەكس ئەتكەن تەسۋىر؛ ئەكس.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئادەملەرنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولغان تەسۋىر؛ بىلىش، ئادەمدىكى تۇيغۇ، تەسەۋۋۇر، ئىدىيە، ئۇقۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ كىشىلەر مېڭىسىدە ئەكس ئېتىش شەكلىدۇر.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پىسخول<[يەشمىسى:] ھايۋان ئورگانىزمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارى.

ئىنكاس قايتۇرۇش

  • ئىنكاس قايتۇرۇش[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزملارنىڭ غىدىقلاشقا نىسبەتەن جاۋاب قايتۇرۇشى.

ئىنكۇباتور

  • ئىنكۇباتور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] تۇخۇمدىن سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈجە چىقىرىش مەشغۇلاتى ئورنى، قۇرۇلمىسى.

ئىنگە

  • ئىنگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خاننىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىپ چوڭ قىلىدىغان ئايال.

ئىنگلىز

  • ئىنگلىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى:[مىسال:] ئۇلار ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كانادا، يېڭى زىنلاندىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ بار.

ئىنگلىزچە

  • ئىنگلىزچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنگلىزلارغا، ئىنگلىز خەلقىگە، ئىنگلىز تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، ئىنگلىزلارغا خاس:[مىسال:] ئىنگلىزچە ناخشا. ئىنگىلىزچە كىيىم-كېچەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىنگلىز تىلى، يېزىقى:[مىسال:] يېڭى كەلگەن ئىككى يات ئادەمنىڭ ئىنگلىزچە بىلىشى مۇمكىنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەندەك قىلاتتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] ئىنگلىز تىلى، يېزىقىنى ئىشلىتىپ، ئىنگىلىز تىلى، يېزىقى ۋاسىتىسى بىلەن:[مىسال:] ئىنگلىزچە سۆزلىمەك. * مەن ئۇنىڭغا ئىنگىلىزچە خەت يازدىم.

ئىنلىماق

  • ئىنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۇرىماق:[مىسال:] ئوخشايدۇ يۈزۈڭ ئايغا، گۈل غۇنچىسى دەپ ئىنلاي، سەن يارىم مېنى دېسەڭ، ئۈمىدنى ئۈزمەي ئويناي. * گۈلدەستىخان، گۈلدەستە، سەن نېمانچە بىخەستە. سەن غۇنچىنى ئىنلاي دەپ، مەن ئالغۇزدۇم مىڭ تەستە.

ئىنمەك

  • ئىنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشمەك:[مىسال:] بۇنىڭدىن ھالنى بىرئاز پەھم قىلدى، پېتىپ غەم پاتقىقىغا ئاتتىن ئىندى.

ئىنېرت

  • ئىنېرت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھەرىكەتسىز، پاسسىپ:[مىسال:] ئىنېرت گازلار.

ئىنېرت گازلار

  • ئىنېرت گازلار[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ نۆل گۇرۇپپىسىدىكى ئېلېمېنتلار. ئۇلار گېلىي، نېئون، ئارگون، كرىپتون، كسېنون ۋە رادوندىن ئىبارەت ئالتە خىل ئېلېمېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەڭسىز، پۇراقسىز بولۇپ، سۇدا ئېرىمەيدۇ، خىمىيىۋى خۇسۇسىيەتلىرى ئىنتايىن تۇراقسىز. ئادەتتە باشقا ئېلېمېنتلار بىلەن ئاسانلىقچە بىرىكمەيدۇ، لېكىن بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس.

ئىنېرتسىيە

  • ئىنېرتسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان ھەرىكەت ھالىتى ياكى جىمجىت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش خۇسۇسىيىتى. مەسىلەن، مېڭىۋاتقان پاراۋۇزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توختىغاندىن كېيىنمۇ ئىلگىرىلەشنى شۇئان توختاتماسلىقى، جىمجىت تۇرغان جىسىمنىڭ سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغۇچە تۇرغان ھالىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنېرتىسىيىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.

ئىنېرتسىيىسىز

  • ئىنېرتسىيىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنېرتسىيىسى يوق، ئىنېرتسىيىگە ئىگە ئەمەس:[مىسال:] ئىنېرتسىيىسىز سىستېما.

ئىنېرتسىيىلىك

  • ئىنېرتسىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنېرتسىيىسى بار، ئىنېرتسىيىسىگە ئىگە:[مىسال:] ئىنېرتسىيىلىك سىستېما. ئىنېرتسىيىلىك پايدىلىنىش نىسبىتى.

ئىنېرتلىق

  • ئىنېرتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] باشقا ئېلمېنېت ياكى بىرىكمىلەر بىلەن ئاسان بىرىكمەيدىغان؛ ھەرىكەتسىز؛ پاسسىپ:[مىسال:] ئىنېرتلىق ماتېرىيال. ئىنېرتلىق ماددا. ئىنېرتلىق ئېلمېنت.

ئىنى

  • ئىنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇكا، كىچىك ئوغۇل (ئاكىلىرىغا نىسبەتەن):[مىسال:] ئاكا بار يەردە ئىنى يوق (ماقال).

ئىنىكئانا

  • ئىنىكئانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ بالىسىنى ئېمىتىپ چوڭ قىلىپ بېرىدىغان تەربىيىچى ئايال:[مىسال:] بىركۈنى پادىشاھ بۇ سىرنى بىلىش ئۈچۈن، قىزىنىڭ ئالدىغا ئىنىكئانىسىنى كىرگۈزۈپ، قىزىنى ياتلىق بولۇشقا كۆندۈرمەكچى بوپتۇ.

ئىنىلىق

  • ئىنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىنىلاردا بولۇدىغان، ئىنىغا ئائىت، ئىنىغا خاس:[مىسال:] ئاكا-ئىنىلىق مۇناسىۋەت.

ئىھاتە

  • ئىھاتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر جاينى ئاسىراش، قوغداش ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش مەقسىتىدە ئەتراپنى چۆرىدەپ قويغان توسما:[مىسال:] ئىھاتە بەلۋېغى. ئىھاتە ئورمانلىقى.

ئىھتىدا

  • ئىھتىدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] توغرا يولغا كىرىش، توغرا يولغا يۆنىلىش.

ئىئوردانىيە

  • ئىئوردانىيە[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ئىئوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. يەر مەيدانى 96 مىڭ 188 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئەرەبلەر، ئاز قىسمىنى تۈركمەنلەر، ئەرمەنلەر ۋە چېركەسلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. 09% تىن ئارتۇق ئاھالىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. 8% ئاھالىسى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  • ئىئوردانىيە ئەسلى پەلەستىننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرۇشىدىكى جاي بولغان. 1921-يىلى ئەنگلىيە ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ تۇرۇپ، پەلەستىننى شەرق ۋە غەرپ ئىككى قىسىمغا ئايرىۋەتكەن. غەربى يەنىلا پەلەستىن دەپ ئاتالغان، شەرقى تاشقى ئىئوردانىيە دەپ ئاتالغان. 1946-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىئوردانىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1950-يىلى 4-ئايدا ئىئوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 1977-يىلى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  • ئىئوردانىيە ئاشلىقتا ئۆزىنى قامدىيالمايدۇ. ئاساسلىق كان بايلىقىدىن سولفات كىسلاتا تۇزى (زاپىسى 2 مىليارد توننا) ۋە ناترىيلىق تۇز (ئۆلۈك دېڭىزدىن ئېلىنىدۇ، زاپىسى 4 مىليارد توننا) قاتارلىقلار بار. ئىئوردانىيىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ساياھەتچىلىك بولۇپ، يىللىق ساياھەتچىلىك كىرىمى 1 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىدۇ.

  • ئاساسلىق شەھەرلىرى: ① ئاممان، دۆلەت پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سودا ۋە قاتناش مەركىزى. ② ئاككاباد، ئىئوردانىيىنىڭ بىردىنبىر دېڭىز پورتى. ئاساسلىق سۇلفات كىسلاتا تۇزى ئېكىسپورت قىلىدۇ.

ئىئولىت

  • ئىئولىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل كوللوئىدلىق ماددا، شۇنىڭدەك خىمىيىلىك چۆكۈش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن تاغ جىنسى. ئۇ ئادەتتە بېلىق تۇخۇمىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى دانىچىلەرنىڭ سېمونتلىشىشىدىن شەكىللىنىدۇ.

ئىئونⅠ

  • ئىئونⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] «ئىئونلار»غا قاراڭ.

ئىئونⅡ

  • ئىئونⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] خەلقئارا گېئولوگىيە يىلنامىسىدا داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك گېئولوگىيىلىك دەۋر بىرلىكى.

ئىئونلار

  • ئىئونلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېكتر زەرەتىگە ئىگە ئاتوم ياكى ئاتوملار گۇرۇپپىسى، يەنى ئاتوم(ياكى مولېكۇلا)لارنىڭ ئېلېكترونلارنى يوقىتىش ياكى قوبۇل قىلىشىدىن ھاسىل بولغان زەرەتلىك زەررىچىلەر.

ئىئونلاشتۇرماق

  • ئىئونلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ئىئونلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ئىئونلاشماق

  • ئىئونلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىئون ھالىتىگە كىرمەك، ئىئونغا ئۆزگەرمەك.

ئىئونلانماق

  • ئىئونلانماق[يەشمىسى:] «ئىئونلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىئونلۇق

  • ئىئونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىئونى بار، ئىئونلارغا ئىگە:[مىسال:] ئىئونلۇق باغ. ئىئونلۇق بىرىكمە. ئىئونلۇق تەڭلىمە. ئىئونلۇق قەۋەت.

ئىئونلۇق باغ

  • ئىئونلۇق باغ[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مۇسبەت ۋە مەنپىي ئىئونلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكتروستاتىك تەسىر ئارقىلىق شەكىللەنگەن خىمىيىۋى باغ. مېتاللىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئېلېمېنتلار بىلەن مېتالوئىدلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئېلېمېنتلار بىرىككەندە ئىئونلۇق باغ شەكىللىنىدۇ.

ئىئونلىماق

  • ئىئونلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىئون ھاسىل قىلماق.

ئىئونلىشىش

  • ئىئونلىشىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېلېكترولىتلارنىڭ سۇدا ئېرىگەندە ياكى ئىسسىقلىق تەسىرىدە سۇيۇقلانغاندا ئەركىن سىلجىيدىغان ئىئونلارغا ئاجرىلىش جەريانى.[يەشمىسى:] ② نېيترال ئاتوم ياكى مولېكۇلىلارنىڭ تاشقى سەۋەب تۈپەيلىدىن مۇسبەت، مەنپىي ئىئونلارغا ئايلىنىش جەريانى.

ئىئونىتلار

  • ئىئونىتلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېرىتمىدىكى كاتىئون ياكى ئانىئونلار بىلەن ئىئون ئالماشتۇرالايدىغان ماددىلار. ئىئونىتلار ئادەتتە كىسلاتا، ئىشقار ۋە كۆپ خىل ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىمەيدۇ. سانائەتتە قاتتىق سۇنى يۇمشىتىش، شۇنىڭدەك ئانتىبىئوتىكلار، نادىر يەر ئېلېمېنتلىرى، ئامىنو كىسلاتالار قاتارلىقلارنى ئايرىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئىۋرىق

  • ئىۋرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساپالدىن ئىشلەنگەن چۆگۈن:[مىسال:] بىركۈنى ئۇ ئادەم مېنى قىچقىرىپ، سۇ ئەكەلگىن دەپ، جوغىسى يوق بىر ئىۋرىقنى بەردى.

ئىۋىتمەك

  • ئىۋىتمەك[يەشمىسى:] «ئىۋىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىدىن-ھېلىغا بېشىمدىكى كىرنى ئىۋىتىپ كۆزۈمگە، جاۋىغايلىرىمغا تىقىۋاتقان يامغۇرنى كىر ياغلىق بىلەن ئېرتىپ قويىمەن.

ئىۋىق

  • ئىۋىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① سۇ ئىچىپ يۇمشىغان، كۆپكەن، يۇمشىغان، يۇمشاق:[مىسال:] ئىۋىق نان. ئىۋىق تېرە.[يەشمىسى:] ② قويۇقلاشقان، قويۇق؛ مىلىقشىغان.

ئىۋىقلار

  • ئىۋىقلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] كوللوئىد ئېرىتمىلەرنىڭ ئىۋىقلىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ماددىلار. ئېقىشچان ئەمەس، ئۇلارنى ئېلاستىك ئىۋىقلار ۋە چۈرۈك ئىۋىقلار دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ياريېلىم بىلەن سىلىكاگېل بۇ ئىككى تۈرنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

ئىۋىقلانماق

  • ئىۋىقلانماق[يەشمىسى:] «ئىۋىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ئىۋىقلىماق

  • ئىۋىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىۋىق ھالەتكە كەلتۈرمەك.

ئىۋىكسېنت

  • ئىۋىكسېنت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. يانتۇ ياقلىق كرىستال سىستېمىسىدا بولۇپ، كرىستاللىرى تۈۋرۈكسىمان، رەڭگى قارا، بەزىدە ئاچ يېشىل ياكى ئاچ قوڭۇر بولىدۇ. سىزىق ئىزى سارغۇچ قوڭۇر ياكى قىزغۇچ قوڭۇر؛ يېرىم مېتال ياكى ماي پارقىراقلىقىدا قاتتىقلىقى 6.5 - 5.5 سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى .5.0 - 4.5 ئۈزۈلۈش يۈزى سەدەپ شەكلىدە، ئېلېكتروماگنىتلىقى ۋە رادىئوئاكتىپلىقى بار، گرانىتلىق زور كرىستال جىنسلاردا ئۇچرايدۇ.

ئىۋىمەك

  • ئىۋىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇ ياكى باشقا سۇيۇقلۇقلارنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، سۈمۈرۈپ، ھۆل بولماق، نەم تارتىپ يۇمشىماق:[مىسال:] ئۆزىگە كېلەلمەي تۇراتتى شاڭيو، ئىۋىگەن تېرىدەك كۆيۈپ ھاسىراپ؛ تاقىتى تاق بولغان قانخور ھەيدەرخان، تەلەتى مۇردىدەك كەتكەن قانسىراپ.

ئىيۇل

  • ئىيۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① قەدىمكى رىم پادىشاھلىرىدىن بىرى، ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلغان شەخسلەرنىڭ بىرى. شۇڭا كالېنداردىكى يەتتىنچى ئاي شۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. [يەشمىسى:] ② مىلادىيە يىل ھېسابىدا يەتتىنچى ئاينىڭ نامى.

ئىيۇن

  • ئىيۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① قەدىمكى رىم پادىشاھلىرىدىن بىرى، ئۇ مىلادىيە كالېندارىنى تۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلغان شەخس، شۇڭا كالېنداردىكى 6-ئاي شۇ كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.[يەشمىسى:] ② مىلادىيە يىل ھېسابىدا 6-ئاينىڭ نامى:[مىسال:] بىرىنچى ئىيۇن خەلقئارا بالىلار بايرىمى.

ئىيىن

  • ئىيىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساپىقىدىن ئاجراپ ئۇۋىلىپ كەتكەن ئۈزۈم.