ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

7 چ🔗

چ

چاپ

چاپارمەن

چاپارمەنلىك

چاپاق

چاپاقلاشماق

چاپان

چاپان چۆرۈمەك

چاپان كۆتۈرمەك

چاپان ياپماق

چاپان-چارا

چاپانچى

چاپانچىلىق

چاپانلىق

چاپاۋۇل

چاپتۇرماقⅠ

چاپتۇرماقⅡ

چاپتۇرماقⅢ

چاپتۇرماقⅣ

چاپتۇرۇشماقⅠ

چاپتۇرۇشماقⅡ

چاپتۇرۇشماقⅢ

چاپتۇرۇشماقⅣ

چاپتۇرۇلماقⅠ

چاپتۇرۇلماقⅡ

چاپتۇرۇلماقⅢ

چاپتۇرۇلماقⅣ

چاپتىكەش

چاپچا

چاپ-چاپ

چاپچاپ

چاپچىش

چاپچىشماق

چاپچىماق

چاپراس

چاپسا

چاپسان

چاپسانلاتماق

چاپسانلاشتۇرماق

چاپسانلاشتۇرۇشماق

چاپسانلاشتۇرۇلماق

چاپسانلاشماق

چاپسانلىق

چاپسانلىماق

چاپقاق

چاپقاقلىق

چاپقۇر

چاپقۇرلۇق

چاپقۇن

چاپقۇنچى

چاپقۇنچىلىق

چاپقۇنلۇق

چاپقۇنلىماق

چاپقىدىماق

چاپلاتماق

چاپلاشقاق

چاپلاشقاقلىق

چاپلاشماق

چاپلاقلىق

چاپلانماق

چاپلىما

چاپلىماق

چاپماⅠ

چاپماⅡ

چاپماقⅠ

چاپماقⅡ

چاپماقⅢ

چاپماقⅣ

چاپمۇچاپ

چاپمىلىق

چاپىⅠ

چاپىⅡ

چات

چات كەرمەك

چاتاتماق

چاتاشماق

چاتاقⅠ

چاتاقⅡ

چاتاقچى

چاتاقلاشتۇرماق

چاتاقلاشماق

چاتاقلىقⅠ

چاتاقلىقⅡ

چاتاقلىماق

چاتالماق

چاتراق

چاتقال

چاتقالسىمان

چاتقاللىق

چاتقۇ

چاتقۇچ

چاتقۇزماق

چاتما

چاتماق

چاتىر

چاتىماق

چاجاڭ

چاجۇپ

چاچ

چاچاق

چاچپۆپۈك

چاچتەڭگە

چاچتۇرماق

چاچراتقۇ

چاچراتماق

چاچراشماق

چاچراندى

چاچرىتىلماق

چاچرىماق

چاچ-ساقال

چاچسىز

چاچقۇ

چاچقۇن

چاچقىرىق

چاچلاشماق

چاچلىق

چاچما

چاچماق

چاچۋاغ

چاچۋاغلىق

چاچۋان

چاچۋانلىق

چاچى-پاچى

چاد

چارⅠ

چارⅡ

چارⅣ

چارا

چارا كۆز

چاراس

چاراس-چاراس

چاراس-چۇرۇس

چاراسسىدە

چاراسلاتماق

چاراسلىماق

چاراڭ

چاراڭ-چۇرۇڭ

چارەⅠ

چارەⅡ

چارە-ئامال

چارە-تەدبىر

چارە-تەدبىرلىك

چارەكⅠ

چارەكⅡ

چارەكⅢ

چارەكلەتمەك

چارەكلەشمەك

چارەكلەنمەك

چارەكلىك

چارەكلىمەك

چاربازار

چاربازارچى

چاربازارچىلىق

چاربۇرجەك

چارپادىشاھ

چارپاي

چارپۇتلاتماق

چارپۇتلاشماق

چارپۇتلانماق

چارپۇتلىماق

چارپېلەك

چارتال

چارچاپ

چارچاتماق

چارچاشماق

چارچاڭ

چارچاڭغۇ

چارچۈرۈك

چارچىماق

چارداش

چاردان

چاردىۋان

چاررۇسىيە

چارزەپ

چارس

چارس-چارس

چارس-چۇرس

چارسسىدە

چارسىلداتماق

چارسىلداشماق

چارسىلدىماق

چارشەنبە

چارشەنبە بازار

چارگاھ

چارلاتماق

چارلاش

چارلاشماقⅠ

چارلاشماقⅡ

چارلانماق

چارلىغۇچى

چارلىماق

چارئوت

چارۋا

چارۋاغ

چارۋىچى

چارۋىچىلىق

چارۋىدار

چارىزم

چارىسىز

چارىسىزلىق

چاريار

چازاⅠ

چازاⅡ

چازاⅢ

چاسⅠ

چاسⅡ

چاسا

چاستوتا

چاسلىق

چاسىلاتماق

چاسىلاشماق

چاسىلانماق

چاسىلىماق

چاسىۋەك

چاشقان

چاشقانيارا

چاشكا

چاشگاھ

چاغⅠ

چاغⅡ

چاغⅢ

چاغⅣ

چاغⅤ

چاغاتاي

چاغاتاي تىلى

چاغان

چاغانلىق

چاغلاشماقⅠ

چاغلاشماقⅡ

چاغلام

چاغلانماقⅠ

چاغلانماقⅡ

چاغلىغۇچ

چاغلىق

چاغلىماقⅠ

چاغلىماقⅡ

چاغىرچاي

چاقⅠ

چاقⅡ

چاقاⅠ

چاقاⅡ

چاقاⅢ

چاقپەلەك

چاقپەلەكلىك

چاقتۇرماق

چاقچاق

چاقچاقچى

چاقچاقسىز

چاقچاقلاشماق

چاقچاقلىق

چاقچۇق

چاقچى

چاقچىقىز

چاقچىلىق

چاقچىلىقاي

چاقچىلىقايچىلىق

چاقچىلىقايلىق

چاقسا

چاققاق

چاققاقئوت

چاققاقلىق

چاققان

چاققانلاشتۇرماق

چاققانلاشماق

چاققانلىق

چاقلاتماق

چاقلاشماقⅠ

چاقلاشماقⅡ

چاقلانماق

چاقلىق

چاقلىماق

چاقماⅠ

چاقماⅡ

چاقماقⅠ

چاقماقⅡ

چاقماقⅢ

چاقماقⅣ

چاقماقⅤ

چاقماقتەك

چاقماقلىقⅠ

چاقماقلىقⅡ

چاقماقلىقⅢ

چاقناتماق

چاقناشماق

چاقنىماق

چاقۇ

چاقىرتماق

چاقىر-چۇقۇر

چاقىرماق

چاقىرىشماق

چاقىرىق

چاقىرىقنامە

چاقىرىلماق

چاقىرىم

چاقىماق

چاكⅠ

چاك باسماق

چاكⅡ

چاكار

چاكارچىلىق

چاكار-چۇكار

چاكارلىق

چاكاندا

چاكاندىلىق

چاك-پارە

چاك-چاك

چاكسا

چاككىدە

چاكىلداتماق

چاكىلداشماق

چاكىلدىماق

چاكىمۇخ

چاكىنا

چاكىنا-چۈكۈنە

چاكىنىلاشتۇرماق

چاكىنىلاشتۇرۇشماق

چاكىنىلاشتۇرۇلماق

چاكىنىلاشماق

چاكىنىلىق

چاڭⅠ

چاڭⅡ

چاڭⅢ

چاڭⅣ

چاڭⅤ

چاڭ Ⅵ

چاڭپوزا

چاڭ-توپا

چاڭ-توزان

چاڭ-تۇمان

چاڭ-چاڭ

چاڭ-چۇڭ

چاڭچى

چاڭچىلە

چاڭچىلىچى

چاڭچىلىكەش

چاڭدان

چاڭغا

چاڭغىچى

چاڭغىراق

چاڭقاتماق

چاڭقاشماق

چاڭقاغا

چاڭقاق

چاڭقاقلىق

چاڭقۇرۇن

چاڭقىماق

چاڭگا

چاڭگاق

چاڭگاق-چاڭگاق

چاڭگاك

چاڭگال

چاڭگاللاتماق

چاڭگاللاشماق

چاڭگاللانماق

چاڭگاللىماق

چاڭگىسىمان

چاڭڭىدە

چاڭلاشتۇرماقⅠ

چاڭلاشتۇرماقⅡ

چاڭلاشتۇرۇلماق

چاڭلاشماقⅠ

چاڭلاشماقⅡ

چاڭلىغۇچ

چاڭىلداتماق

چاڭىلداشماق

چاڭىلداق

چاڭىلدىماق

چال

چالا

چالا-بۇلا

چالا-پۇچۇق

چالپاق

چالتاي-پالتاي

چالدۇرماق

چالغا

چالغۇ

چالغۇت

چالغۇچى

چالغىتماق

چالغىتىشماق

چالغىتىلماق

چالغىچى

چالغىماق

چاللىق

چالما

چالمىسى سۇغا چىلاشماق

چالماقⅠ

چالماقⅡ

چالما-كېسەك

چالما-كېسەك قىلماق

چالمىلىق

چالۋاقاتماق

چالۋاقاشماق

چالۋاقىماق

چالىلىق

چام

چاما

چامادان

چامادانلىق

چامباش

چامباشچى

چامباشچىلىق

چامبۇل

چامچا

چامداتماق

چامداشماق

چامدالماق

چامدام

چامدىماق

چامغۇر

چامغۇرلۇق

چامىلاتماق

چامىلاشماق

چامىلانماق

چامىلىماق

چانا

چاناتماق

چاناچ

چاناشماق

چاناق

چانالماق

چاندۇرماق

چاندۇرۇشماق

چاندىر

چانماق

چانىماق

چاۋا

چاۋىسى چىتقا يېيىلماق

چاۋات

چاۋار

چاۋارتقۇ

چاۋارتماق

چاۋار-چاتقال

چاۋارماق

چاۋاك

چاۋاكلاشماق

چاۋاكلىماق

چاۋشيەن

چاۋشيەنزۇ

چاۋشيەنشۇناس

چاۋشيەنشۇناسلىق

چاۋكا

چاي

چاي پۇلى

چاي قاينىمى

چاي قويماق

چاي ئىچۈرمەك

چايان

چايانلىق

چايانئوت

چايپەش

چايپۇرۇش

چايپۇرۇشلۇق

چايجۇش

چايچى

چايچىلىق

چايخانا

چايخانىچى

چايخور

چايخورلۇق

چايدام

چايدان

چايزار

چايزارلىق

چايشاپ

چايقاتماق

چايقاشماق

چايقاق

چايقالماق

چايقىماق

چايكا

چايگۈل

چايلىماق

چايناتماق

چايناشماق

چاينالماق

چاينام

چاينىماق

چايئوت

چەببىيات

چەبدەس

چەبدەسلىك

چەپ

چەپكە تارتماق

چەپ كۆزدە قارىماق

چەپبېگى

چەپچەك

چەپچەكلىك

چەت

چەت ئەل

چەتكە چىقماق

چەتكە قاقماق

چەت-چۆرە

چەتلەتمەك

چەتلەشمەك

چەتلەمچى

چەتلەنمەك

چەتلىمەك

چەتنەتمەك

چەتنەشمەك

چەتنەك

چەتنو

چەتنىمەك

چەتىش

چەت-ياقا

چەچكە

چەرەندە

چەرەندە-پەرەندە

چەرچىن

چەرچىنمال

چەرچىنمالچى

چەشⅠ

چەشⅡ

چەشلەتمەك

چەشلەشمەك

چەشلەنمەك

چەشلىمەك

چەشمە

چەكⅠ

چەكⅡ

چەكⅢ

چەكادە

چەكتۈرمەكⅠ

چەكتۈرمەكⅡ

چەكچەيتمەك

چەكچەيتىلمەك

چەكچەيمەك

چەك-چېگرا

چەكچىيىشمەك

چەكرەك

چەكسىز

چەكسىزلىك

چەككە

چەككۈچ

چەككىلەتمەك

چەككىلەشمەك

چەككىلەنمەك

چەككىلىگۈچ

چەككىلىمەك

چەكلەتمەك

چەكلەشمەك

چەكلەنمەك

چەكلىك

چەكلىمە

چەكلىمەك

چەكلىمىلىك

چەكمە

چەكمەكⅠ

چەكمەكⅡ

چەكمەن

چەگ

چەل

چەلەڭ

چەلپەك

چەلپەكچى

چەلگىتمەك

چەلگىمەك

چەلگىنمەك

چەللە

چەللىدە ئات چاپماق

چەللىلىك

چەم

چەمەچ

چەمەك

چەمبەر

چەمبەرچاس

چەمبەرسىمان

چەمبەرلەتمەك

چەمبەرلەشمەك

چەمبەرلەنمەك

چەمبەرلىمەك

چەمبىرەك

چەمپەن

چەملەتمەك

چەملەشمەك

چەملەنمەك

چەملىك

چەملىمەك

چەندازا

چەندان

چەنلەتمەك

چەنلەشمەك

چەنلىمەك

چەۋەنداز

چەۋەندازلىق

چەۋرە

چەي

چەيدو

چەيزە

چەيلەتمەك

چەيلەشمەك

چەيلەنمەك

چەيلىمەك

چەينەك

چوبگەز

چوپسا

چوتⅠ

چوتⅡ

چوتارⅠ

چوتارⅡ

چوتارچى

چوتارچىلىق

چوتكا

چوتكىلاتماق

چوتكىلاشماق

چوتكىلانماق

چوتكىلىماق

چورت

چورتان

چورنىك

چورۇق

چورۇقلۇق

چوسۇنكا

چوسېنىيە

چوش

چوشقا

چوشقىچىلىق

چوشقىياڭىقى

چوغ

چوغ چايقىماق

چوغدان

چوغلانما

چوغلانماق

چوغۇندەك

چوقا

چوقام

چوقاي

چوقچا

چوقچايتماق

چوقچايماق

چوقچىيىشماق

چوققا

چوقماق

چوقۇ

چوقۇتماق

چوقۇر

چوقۇش

چوقۇشماق

چوقۇلاتماق

چوقۇلاشماق

چوقۇلانماق

چوقۇلىماق

چوقۇم

چوقۇماق

چوقۇملاشتۇرماق

چوقۇملاشتۇرۇلماق

چوقۇملاشماق

چوقۇندۇرماق

چوقۇندۇرۇلماق

چوقۇندى

چوقۇنماق

چوقۇنۇشماق

چوك

چوكا

چوكان

چوكانتال

چوكان-سېكىلەك

چوكانلىق

چوك-چوك

چوككىدە

چوكۇلداتماق

چوكۇلداشماق

چوكۇلدىماق

چوكىدان

چوكىدەرىخى

چوكىمۇز

چوگ

چوڭ

چوڭ ئانا

چوڭ تەرەت

چوڭ دادا

چوڭ قىلماق

چوڭ يۈرەك

چوڭايتقۇچ

چوڭايتماق

چوڭايتىشماق

چوڭايتىلماق

چوڭايماق

چوڭچى

چوڭچىلىق

چوڭقۇر

چوڭقۇرلاتماق

چوڭقۇرلاشتۇرماق

چوڭقۇرلاشتۇرۇشماق

چوڭقۇرلاشتۇرۇلماق

چوڭقۇرلاشماق

چوڭقۇرلۇق

چوڭقۇرلىماق

چوڭ-كىچىك

چوڭلۇق

چوڭلىماق

چولا

چولاتماق

چولاشماق

چولاق

چولانماق

چولپان

چولتا

چولتوك

چولتوككىدە

چولتوكلاتماق

چولتوكلىتىشماق

چولتوكلىماق

چولتىلىق

چولىماق

چوم

چوماق

چوماقچى

چوماقچىلىق

چوماقلاتماق

چوماقلاشماق

چوماقلانماق

چوماقلىق

چوماقلىماق

چومچى

چومچىلىق

چوملۇق

چون

چوناق

چويلا

چويلىدا توختايدىغان

چويلىچىلىق

چويۇن

چۇⅠ

چۇⅡ

چۇپان

چۇپۇر

چۇپۇرلۇق

چوتۇر

چوتۇرچى

چۇچا

چۇچاق

چۇچىلا

چۇچىلىق

چۇخەي

چۇخچىلاتماق

چۇخچىلاشماق

چۇخچىلانماق

چۇخچىلىماق

چۇر

چۇرچۇق

چۇرچىلىق

چۇررىدە

چۇرقا

چۇرقىراتماق

چۇرقىراشماق

چۇرقىرىماق

چۇرۇق

چۇرۇق-چۇرۇق

چۇرۇقلاتماق

چۇرۇقلاشماق

چۇرۇقلىماق

چۇرۇلداتماق

چۇرۇلداشماق

چۇرۇلدىماق

چۇس

چۇسا

چۇسلاشماق

چۇسلۇق

چۇغلۇق

چۇغۇندان

چۇغۇندەك

چۇقا

چۇقاتماق

چۇقان

چۇقانچى

چۇقان-سۈرەن

چۇقانلىق

چۇقۇق

چۇك

چۇك-چۇك

چۇك-چۇك كېسەل

چۇكچۇكⅠ

چۇكچۇكⅡ

چۇكۇلداتماق

چۇكۇلداشماق

چۇكۇلدىماق

چۇڭ

چۇڭ-چۇڭ

چۇڭۇلداتماق

چۇڭۇلداشماق

چۇڭۇلدىماق

چۇل-چۇل

چۇلدا

چۇلدۇر

چۇلدۇرلاشماق

چۇلدۇرلىماق

چۇلدىلىق

چۇلغاتماق

چۇلغاشماق

چۇلغانماق

چۇلغىماق

چۇلۇقⅠ

چۇلۇقⅡ

چۇلۋۇر

چۇلۋۇرلۇق

چۇما

چۇمۇل

چۇھ

چۇۋاش

چۇۋاشچە

چۇۋالچاق

چۇۋالچاقلاشتۇرماق

چۇۋالچاقلاشماق

چۇۋالچاقلىق

چۇۋۇتماق

چۇۋۇر

چۇۋۇر-چۇۋۇر

چۇۋۇرلاتماق

چۇۋۇرلاشماق

چۇۋۇرلىماق

چۇۋۇشماق

چۇۋۇق

چۇۋۇلماق

چۇۋۇماق

چۆپⅠ

چۆپⅡ

چۆپ-چۆپ

چۆپچۈل

چۆپخاناⅠ

چۆپخاناⅡ

چۆپسىز

چۆپقەت

چۆپقەتچىلىك

چۆپقەتسىز

چۆپقەتلىك

چۆپلۈك

چۆچەكⅠ

چۆچەكⅡ

چۆچۈتمەك

چۆچۈرە

چۆچۈرىچى

چۆچۈرىخانا

چۆچۈشمەك

چۆچۈمەك

چۆرەⅠ

چۆرەⅡ

چۆرنەك

چۆرۈتمەك

چۆرۈشمەك

چۆرۈلمە

چۆرۈلمەك

چۆرۈمەك

چۆرۈۋەتمەك

چۆرىپۇرۇش

چۆرىدەتمەك

چۆرىدەشمەك

چۆرىدەلمەك

چۆرىدىمەك

چۆكⅠ

چۆكⅡ

چۆكتۈرمە

چۆكتۈرمەك

چۆكتۈرۈشمەك

چۆكتۈرۈلمەك

چۆكمە

چۆكمەك

چۆكۈچ

چۆكۈرمەك

چۆكۈش

چۆكۈشمەك

چۆكۈندى

چۆگەن

چۆگۈن

چۆل

چۆلەتمەك

چۆلەشمەك

چۆلەنمەك

چۆل-باياۋان

چۆل-جەزىرە

چۆلدەرەشمەك

چۆلدەرىمەك

چۆللەشمەك

چۆللۈك

چۆلىمەك

چۆمدۈرمەك

چۆمدۈرۈلمەك

چۆممەك

چۆمۈچ

چۆمۈشمەك

چۆمۈلدۈرمەك

چۆمۈلمەك

چۆمۈلۈشمەك

چۆنەك

چۆنەكلىك

چۆنەكلىمەك

چۆنتەك

چۆۋەك

چۈپەي

چۈپەيلەشتۈرمەك

چۈپەيلەشمەك

چۈپەيلىك

چۈپرەندە

چۈجە

چۈجگۈن

چۈجگۈنلۈك

چۈجىلىك

چۈچۈتمەك

چۈچۈكⅠ

چۈچۈكⅡ

چۈچۈكبۇيا

چۈچۈكدىمەك

چۈچۈمەك

چۈچۈمەل

چۈچۈمەللىك

چۈچۈنچە

چۈرۈش

چۈرۈك

چۈرۈكلۈك

چۈشⅠ

چۈشⅡ

چۈشەتمەك

چۈشەشمەك

چۈشەكⅠ

چۈشەكⅡ

چۈشەكⅢ

چۈشەكەشمەك

چۈشەكلەنمەك

چۈشەكلىك

چۈشەكلىمەك

چۈشەكىمەك

چۈشەلمەك

چۈشەنچە

چۈشەندۈرمەك

چۈشەنمەك

چۈش-پېشىن

چۈشكۈرتمەك

چۈشكۈرمەك

چۈشكۈرۈشمەك

چۈشكۈن

چۈشكۈنلەشتۈرمەك

چۈشكۈنلەشمەك

چۈشكۈنلۈك

چۈشلۈك

چۈشلىمەك

چۈشمەك

چۈشۈرگە

چۈشۈرمەك

چۈشۈرۈلمەك

چۈشۈشمەك

چۈشۈك

چۈشۈم

چۈشۈم كېلىش

چۈشۈمسىز

چۈشۈملۈك

چۈشىمەكⅠ

چۈشىمەكⅡ

چۈشىنەرلىك

چۈشىنىشلىك

چۈشىنىشمەك

چۈشىنىكسىز

چۈشىنىكسىزلىك

چۈشىنىلمەك

چۈكۈنەم

چۈكۈنەملىك

چۈلە

چۈلۈكⅠ

چۈلۈكⅡ

چۈلىزاڭ

چۈمەك

چۈمبەل

چۈمپەردە

چۈمپەردىلىك

چۈمكەتمەك

چۈمكەشمەك

چۈمكەلمەك

چۈمكەنمەك

چۈمكىمەك

چۈمگەك

چۈمۈلە

چۈنچە

چۈندەيسەي

چۈنكى

چېپىشماقⅠ

چېپىشماقⅡ

چېپىشماقⅢ

چېپىق

چېپىلغاق

چېپىلماقⅠ

چېپىلماقⅡ

چېپىلماق

چېپىندى

چېتىر

چېتىشلىق

چېتىشماق

چېتىق

چېتىقلىق

چېتىك

چېتىلماق

چېتىن

چېچەكⅠ

چېچەكⅡ

چېچەك چىقماق

چېچەك سالماق

چېچەك-چوكان

چېچەكچى

چېچەكسەي

چېچەكلەتمەك

چېچەكلەشمەك

چېچەكلىك

چېچەكلىمەك

چېچەنⅠ

چېچەنⅡ

چېچەنلەشمەك

چېچەنلىك

چېچىشماق

چېچىلاڭغۇ

چېچىلاڭغۇلاشماق

چېچىلاڭغۇلۇق

چېچىلغاق

چېچىلغاقلىق

چېچىلما

چېچىلماق

چېخ

چېدەر

چېدەرلەتمەك

چېدەرلەشمەك

چېدەرلەنمەك

چېدەرلىمەك

چېدىر

چېرتيوژ

چېرتيوژچى

چېرتيوژچىلىق

چېركاۋ

چېرىپاشكا

چېرىك

چېرىكلىك

چېسلا

چېسلالىق

چېقىر

چېقىشتۇرماق

چېقىشتۇرۇلماق

چېقىشقاق

چېقىشماق

چېقىق

چېقىل

چېقىل-چۇقۇل

چېقىلدۇرغۇچ

چېقىلدۇرماق

چېقىلدۇرۇق

چېقىلغان

چېقىلماق

چېقىم

چېقىمچى

چېقىمچىلىق

چېقىنⅠ

چېقىنⅡ

چېقىندى

چېقىندى-چوقۇندى

چېقىندىماق

چېكە

چېكىسى ئاپتاپ كۆرمەي

چېكىسىگە تاڭماق

چېكىسىگە قىسماق

چېكەتكە

چېكەرمەن

چېكىت

چېكىتسىز

چېكىتلىك

چېكىتمە

چېكىشمەكⅠ

چېكىشمەكⅡ

چېكىلمە

چېكىلمەكⅠ

چېكىلمەكⅡ

چېكىلمەكⅢ

چېكىلىك

چېكىلىمەك

چېكىمⅠ

چېكىمⅡ

چېكىم-چېكىم

چېكىملىك

چېكىندۈرمەك

چېكىندۈرۈلمەك

چېكىنمەك

چېكىنىشمەك

چېگەلەك

چېگرا

چېگرىداش

چېگرىداشلىق

چېگرىلانماق

چېلەكⅠ

چېلەكⅡ

چېلەكلەپ

چېلو

چېلىش

چېلىشتۇرماق

چېلىشچان

چېلىشچانلىق

چېلىشچى

چېلىشچىلىق

چېلىشخۇمار

چېلىشقاق

چېلىشماقⅠ

چېلىشماقⅡ

چېلىشماقⅢ

چېلىقتۇرماق

چېلىقماق

چېلىنماقⅠ

چېلىنماقⅡ

چېمپىيون

چېمپىيونلۇق

چېنەتمەك

چېنەشمەك

چېنەك

چېنەلمەك

چېنىشماق

چېنىقتۇرماق

چېنىقتۇرۇلماق

چېنىقماق

چېنىقىشماق

چېنىمەك

چېھرە

چېھرىلىك

چېۋە

چېۋەر

چېۋەرلىك

چى

چىبەرقۇت

چىبرى

چىپⅠ

چىپⅡ

چىپار

چىپارئوت

چىپپىدە

چىپتا

چىپچا

چىپ-چاپ

چىپ-چىپ

چىپمۇچىپ

چىپىلداتماق

چىپىلداشماق

چىپىلدىماق

چىتⅠ

چىتⅡ

چىتەن

چىتلاتماق

چىتلاشماق

چىتلاق

چىتلانماق

چىتلىق

چىتلىماق

چىچاڭ

چىچاڭلاتماق

چىچاڭلاشماق

چىچاڭلىماق

چىچقاق

چىچقۇلۇق

چىچماق

چىچۇرماق

چىچىرغا

چىچىشماق

چىداشلىق

چىداشماق

چىدام

چىدامسىز

چىدامسىزلىق

چىداملىق

چىدىغۇسىز

چىدىماس

چىدىماسلىق

چىدىماق

چىر

چىراغ

چىراغپاي

چىراغچى

چىراغدان

چىراي

چىرايىغا قان يۈگۈرمەك

چىراي-شەكىل

چىرايلىق

چىرايلىقچە

چىرايلىقلاشماق

چىرت

چىرتتىدە

چىرتىڭ-پىرتىڭ

چىر-چىر

چىررىدە

چىرس

چىرسىلدىماق

چىرقىراتماق

چىرقىراشماق

چىرقىراق

چىرقىرىغاق

چىرقىرىماق

چىركىن

چىرماتماق

چىرماش

چىرماشتۇرماق

چىرماشماق

چىرماق

چىرمالماق

چىرمىماق

چىرىتكۈچ

چىرىتمەك

چىرىتىشمەك

چىرىتىلمەك

چىرىق

چىرىق-چىرىق

چىرىققىدە

چىرىقلاشماق

چىرىقلىماق

چىرىك

چىرىكلەشتۈرمەك

چىرىكلەشمەك

چىرىكلىك

چىرىڭ

چىرىلداتماق

چىرىلداشماق

چىرىلداق

چىرىلدىماق

چىرىمەك

چىرىمتال

چىرىندى

چىرىندىخور

چىرىندىلىك

چىش

چىشى پاتماق

چىشى سارغايماق

چىشىغا تەگمەك

چىشى قېرىشماق

چىشىنى بىلىمەك

چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسەتمەك

چىشا

چىش-تىرناق

چىش-تىرنىقى بىلەن

چىشسىز

چىشسىمان

چىششا

چىشلەتمەك

چىشلەشمەك

چىشلەكلىك

چىشلەم

چىشلەنمەك

چىشلىقⅠ

چىشلىقⅡ

چىشلىمەك

چىشى

چىشىمەك

چىشىمەل

چىغ

چىغچىⅠ

چىغچىⅡ

چىغچىغىر

چىغچىلىق

چىغدان

چىغرىق

چىغلىق

چىغىرⅠ

چىغىرⅡ

چىغىرتماق

چىغىرتماقگۈل

چىغىرتماقلىق

چىقارماق

چىقاغدىماق

چىقچىقلار

چىقماق

چىقىرىلماق

چىقىرىندى

چىقىش

چىقىش قىلماق

چىقىش كېلىش

چىقىشقاق

چىقىشقاقلىق

چىقىشماق

چىقىق

چىقىم

چىقىمدار

چىقىمسىز

چىقىملىق

چىقىندى

چىقىنماق

چىك

چىك-چاك

چىك-چىك

چىككا

چىككىدە

چىكىلداتماق

چىكىلداشماق

چىكىلداق

چىكىلدىماق

چىگە

چىگدۈرمەك

چىگرىن

چىگمەك

چىگۇڭ

چىگىت

چىگىت چاقماق

چىگىتسىز

چىگىتلىك

چىگىش

چىگىشلەشتۈرمەك

چىگىشلەشتۈرۈلمەك

چىگىشلەشمەك

چىگىشلىك

چىگىشمەك

چىگىك

چىگىكلىك

چىگىل

چىگىلمەك

چىگىندان

چىڭ

چىڭداتماق

چىڭداشماق

چىڭدالماق

چىڭدىماق

چىڭسەي

چىڭقاتماق

چىڭقاشماق

چىڭقاق

چىڭقالماق

چىڭقى

چىڭقىچۈش

چىڭقىماق

چىڭكىرىش

چىڭگىزⅠ

چىڭگىزⅡ

چىڭگىزلىك

چىڭگىلىك

چىڭڭىدە

چىڭلۇن

چىڭلىق

چىڭىتماق

چىڭىتىلماق

چىڭىماق

چىلⅠ

چىلⅡ

چىلاپچا

چىلاتماق

چىلاشتۇرماق

چىلاشماق

چىلاقلىق

چىلان

چىلانزار

چىلانلىق

چىلانماق

چىلە

چىلبۆرە

چىلپايە

چىلتار

چىلتەك

چىلتەن

چىلچۆپ

چىلغوزا

چىلگەⅠ

چىلگەⅡ

چىللاتماق

چىللاشماق

چىللاق

چىللانماق

چىللە

چىللىك

چىللىگۈل

چىللىلىك

چىللىماق

چىلىق

چىلىق-چىلىق

چىلىقلىماق

چىلىم

چىلىماق

چىلىنسەي

چىمⅠ

چىمⅡ

چىمالتا

چىمانجار

چىمەلتەك

چىمەن

چىمەندوپپا

چىمەنزار

چىمەنزارلىق

چىمەنلىك

چىمچاچاق

چىمچىق

چىمچىقلاتماق

چىمچىقلاشماق

چىمچىقلىماق

چىمچىلاق

چىم-چىم

چىمچىماق

چىمدىتماق

چىمدىشماق

چىمدىق

چىمدىم

چىمدىماق

چىملىق

چىممىدە

چىمئوت

چىمىتمەك

چىمىر

چىمىر-چىمىر

چىمىرلاتماق

چىمىرلاشماق

چىمىرلىماق

چىمىلداتماق

چىمىلداشماق

چىمىلدىق

چىمىلدىقلىق

چىمىلدىماق

چىمىگەن

چىن Ⅰ

چىنⅡ

چىنار

چىنارگۈل

چىنارلىق

چىنە

چىنە-قاچا

چىنپۈتمەك

چىنتاش

چىندان

چىندىن

چىنلىق

چىۋ

چىۋى

چىۋىچ

چىۋىق

چىۋىقلاتماق

چىۋىقلاشماق

چىۋىقلانماق

چىۋىقلىماق

چىۋىلدىماق

چىۋىن

چىۋىنخور

چىۋىنقىماق

چىيقان

چياڭزۇ

ئىزاھى

چ

  • چ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ يەتتىنچى ھەرىپى؛ رەت تەرتىپى جەھەتتە يەتتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «چ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «چ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «چ»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «چ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىچ» ئوقۇلۇشى ياكى نامى «چې».

  • «چ» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئالدى قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن پارتىلىغۇچى-سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭسىز تاۋۇشتۇر.

  • «چ» تاۋۇشنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • «چ» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «چ» تاۋۇشىدىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار باشلىندىغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، شۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «چ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا «ش غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ. «ر< تاۋۇشىنىڭ ئالدىدا بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن «چ» تاۋۇشب ئىملادىمۇ، تەلەپپۇزدىمۇ ئەينەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ئاچتى ئاشتى

  • ئاچقۇچچى ئاشقۇچچى

  • كۈچلۈك كۈشلۈك

  • چاچرا چاچرا

چاپ

  • چاپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۈستۈنكى كالپۇك بىلەن ئاستىنقى كالپۇكنىڭ بىر-بىرىگە تېگىپ ئاجرىشىدىن ۋە لايدا مېڭىشتىن ھاسىل بولغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار:[مىسال:] شەمشى ئادەتتە لەۋلىرىنى شۈمۈپ «چاپ»قىلىپ ئوينايتتى.

چاپارمەن

  • چاپارمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مۇھىم، جىددىي بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئاتلىق ئەۋەتىلگەن خەۋەرچى:[مىسال:] چاپارمەن ئەۋەتمەك.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن چېپىپ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى شەرتسىز، دەرھال ئىجرا قىلىدىغان، بۇ يولدا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئادەم:[مىسال:] كۆپ ئۆتمەي ھاكىمنىڭ چاپارمەنلىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ، ھاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپتۇ.

چاپارمەنلىك

  • چاپارمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاپارمەن قىلىدىغان ئىش، ھەرىكەت.

چاپاق

  • چاپاق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ كۆز چانىقىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئاق ياكى سېرىق رەڭلىك يىرىڭسىمان شىلىمشىق ماددا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاپاق باسقان ئادەم:[مىسال:] چاپاقنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇماس، ماڭقىنىڭ بۇرنىدىن قاقاچ قۇرۇماس (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۇتۇق، مۈجمەل، ئېنىق ئەمەس:[مىسال:] چاپاق خەت. چاپاق كۆرۈنمەك.

چاپاقلاشماق

  • چاپاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كۆزىدە چاپاق كۆپەيمەك، كۆزىنى چاپاق قاپلىماق، كۆزىنى چاپاق باسماق:[مىسال:] ئۇ يۈزىنى يۇيۇشقا ھۇرۇن بولغاچقا، يۈز-كۆزى ھەمىشە كىر ۋە كۆزلىرى چاپاقلىشىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئېنىقسىز، تۇتۇق ھالەتكە كەلمەك، تۇتۇقلاشماق:[مىسال:] ئۇ تولا ئۆچۈرۈلۈپ چاپاقلىشىپ كەتكەن خەتنى ئوقۇيالماي قىينالدى.

چاپان

  • چاپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆڭلەكنىڭ ئۈستىگە كىيىدىغان سىرتقى كىيىملەرنىڭ ئومۇمىي نامى.

چاپان چۆرۈمەك

  • چاپان چۆرۈمەك[يەشمىسى:] ھەيۋە قىلماق، پوپوزا قىلماق، تەھدىت سالماق.

چاپان كۆتۈرمەك

  • چاپان كۆتۈرمەك[يەشمىسى:] بىراۋغا بولۇشماق، يان باسماق، خۇشامەت قىلماق؛ يالاقچىلىق قىلماق:[مىسال:] ئاينۇر ئېرىگە: جاللاتلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ نېمىمۇ تاپاتتىلا دېدى.

چاپان ياپماق

  • چاپان ياپماق[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى يوشۇرماق.

چاپان-چارا

  • چاپان-چارا[يەشمىسى:] چاپان ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەر؛ كىيىم-كېچەك.

چاپانچى

  • چاپانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چاپان تىككۈچى؛ چاپان تىكىپ ساتقۇچى ئادەم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا خۇشامەت قىلىدىغان، خۇشامەتچى، تەخسىكەش، يالاقچى ئادەم.

چاپانچىلىق

  • چاپانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشامەت قىلىش، تەخسىكەشلىك:[مىسال:] ئاغزىڭنى يۇم ھوي تېگى پەس. بۇ چاپانچىلىقىڭنى چوڭ بولغاندا قىل جۇمۇ.

چاپانلىق

  • چاپانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چاپىنى بار، چاپان كىيگەن:[مىسال:] قارا چاپانلىق. سېرىق چاپانلىق.[يەشمىسى:] ② چاپان تىكىشكە لايىق، باب ياكى يېتىدىغان:[مىسال:] ئىككى چاپانلىق تاۋار.

چاپاۋۇل

  • چاپاۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] باشقا يەرگە بېرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە مۇشۇنداق قىلغۇچى قوشۇن.

چاپتۇرماقⅠ

  • چاپتۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «چاپماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايغىرنى بايتالغا چاپتۇرماق.

چاپتۇرماقⅡ

  • چاپتۇرماقⅡ[يەشمىسى:] «چاپماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئات مىندىم قارا قاشقا. چاپتۇردۇم تاشتىن-تاشقا، ھەركىمنىڭ يارى باشقا، ئوخشامدۇ قەلەم قاشقا.

چاپتۇرماقⅢ

  • چاپتۇرماقⅢ[يەشمىسى:] «چاپماقⅢ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ئىككى بالامغا 30 ھارۋا يانتاق چاپتۇرۇپ، ئۆگزىگە باستىم.

چاپتۇرماقⅣ

  • چاپتۇرماقⅣ[يەشمىسى:] «چاپماقⅣ»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باشقا يېلىم چاپتۇرماق. بەدەنگە دورا چاپتۇرماق.

چاپتۇرۇشماقⅠ

  • چاپتۇرۇشماقⅠ[يەشمىسى:] «چاپتۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاپتۇرۇشماقⅡ

  • چاپتۇرۇشماقⅡ[يەشمىسى:] «چاپتۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئاتلىق ئەسكەرلەر ئاتلىرىنى چاپتۇرۇشتى.

چاپتۇرۇشماقⅢ

  • چاپتۇرۇشماقⅢ[يەشمىسى:] «چاپتۇرماقⅢ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاپتۇرۇشماقⅣ

  • چاپتۇرۇشماقⅣ[يەشمىسى:] «چاپتۇرماقⅣ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى سېسترالارغا قىچىشقاق كېسەللىرىنىڭ پۇت-قوللىرىغا دورا چاپتۇرۇشتى.

چاپتۇرۇلماقⅠ

  • چاپتۇرۇلماقⅠ[يەشمىسى:] «چاپتۇرماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاپتۇرۇلماقⅡ

  • چاپتۇرۇلماقⅡ[يەشمىسى:] «چاپتۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۈگۈنكى توي ناھايىتى قىزىدى، نۇرغۇن ئاتلار چاپتۇرۇلغان بەيگە ئۆتكۈزۈلدى.

چاپتۇرۇلماقⅢ

  • چاپتۇرۇلماقⅢ[يەشمىسى:] «چاپتۇرماقⅢ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاپتۇرۇلماقⅣ

  • چاپتۇرۇلماقⅣ[يەشمىسى:] «چاپتۇرماقⅣ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاپتىكەش

  • چاپتىكەش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شوخ، كەپسىز.

چاپچا

  • چاپچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئارا.

چاپ-چاپ

  • چاپ-چاپ[يەشمىسى:] «چاپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بالا ئېغىزىنى چاپ-چاپ قىلىپ بىرنەرسە يېدى.

چاپچاپ

  • چاپچاپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]چاپ+چاپ[[يەشمىسى:] ① جىددىي، شىددەت بىلەن چېپىش، قىرغىن:[مىسال:] چاپچاپ قىلماق.[يەشمىسى:] ② بەس-بەس بىلەن تالىشىپ ئالىدىغان، ئىتتىك سېتىلىدىغان، خېرىدارى كۆپ: چاپچاپ مال. چاپچاپ بازار.

چاپچىش

  • چاپچىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئالدى پۇتلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە قاتتىق ئۇرۇش ھەرىكىتى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>سۇ ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سۇ جىددىي ئېقىن ھالىتىدىن ئاستا ئېقىن ھالىتىگە ئۆتكەندە كۆرۈلىدىغان سۇ ئورنىنىڭ ئۆرلەش ھادىسىسى.

چاپچىشماق

  • چاپچىشماق[يەشمىسى:] «چاپچىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاپچىماق

  • چاپچىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالدى پۇتلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە قاتتىق ئۇرماق، ھەر تەرەپكە تاشلانماق:[مىسال:] ئۇلار بىردىن چاپچىپ تۇرغان ياراملىق ئات يېتىلىۋېلىشقانىدى.

چاپراس

  • چاپراس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئوڭ-سولغا ۋە ئۇزۇن-قىسقىسىغا كېسىشكەن؛ چەمبەرچاس:[مىسال:] چاپراس باغلىماق.

چاپسا

  • چاپسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىچىك كۈرەك.

چاپسان

  • چاپسان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېز، تېزلىك بىلەن، ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، ئاز ۋاقىت ئىچىدە؛ دەررۇ، ئىلدام:[مىسال:] چاپسان ماڭ.

چاپسانلاتماق

  • چاپسانلاتماق[يەشمىسى:] «چاپسانلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاپسانلاشتۇرماق

  • چاپسانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «چاپسانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاپسانلاشتۇرۇشماق

  • چاپسانلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «چاپسانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاپسانلاشتۇرۇلماق

  • چاپسانلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «چاپسانلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاپسانلاشماق

  • چاپسانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېزلەشمەك، سۈرئىتى بارغانسېرى ئاشماق:[مىسال:] ياسىن ئىشىككە كەلگەنىدى، ئۇنىڭ قەدىمى خېلى چاپسانلاشتى.

چاپسانلىق

  • چاپسانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاپسان ھالەت، تېزلىك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قوشۇنى بەك چاپسانلىق بىلەن ئۆسۈپ، ئۇلغىيىپ باردى.

چاپسانلىماق

  • چاپسانلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېزلىمەك، سۈرئىتى ئاشماق، چاپسان ھەرىكەت قىلماق:[مىسال:] سازغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل بارغانسېرى چاپسانلاپ قايناپ كەتتى.

چاپقاق

  • چاپقاق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چېپىلىپ قويىدىغان، چېپىلغاق:[مىسال:] چاپقاق مۈشۈك.

چاپقاقلىق

  • چاپقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېپىلىپ قويۇش، چېپىلغاقلىق.

چاپقۇر

  • چاپقۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز چاپىدىغان، ئىلدام يۈگۈرىدىغان؛ يۈگۈرۈك:[مىسال:] چاپقۇر ئات.

چاپقۇرلۇق

  • چاپقۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېز چاپالايدىغان ئالاھىدىلىك:[مىسال:] ئىلى، قاراشەھەر ئاتلىرى چاپقۇرلۇقى بىلەن ئالەمگە مەشھۇر.

چاپقۇن

  • چاپقۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قار، يامغۇر ئارىلاش چىققان قاتتىق بوران؛ شىۋىرغان:[مىسال:] چاپقۇن چىقماق. چاپقۇن بولماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شىددەتلىك، كەسكىن كۈرەش؛ دولقۇن:[مىسال:] ئۆتمەكتە مانا سەندە ياشلىق چېغىم، ئىنقىلاب چاپقۇنىدا بۈركۈت بولۇپ.[يەشمىسى:] ③ قىرغىن:[مىسال:] چاپقۇن قىلماق.

چاپقۇنچى

  • چاپقۇنچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاپقۇن قىلغۇچى، قىرغىنچى.

چاپقۇنچىلىق

  • چاپقۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرغىنچىلىق.

چاپقۇنلۇق

  • چاپقۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چاپقۇنى بار، چاپقۇن چىقىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] چاپقۇنلۇق كېچە.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەھشەتلىك، شىددەتلىك:[مىسال:] 1967-يىلىنىڭ چاپقۇنلۇق ئايلىرى ئۆز كارامىتىنى بۇ قەدىمىي ئورمانلىقتىمۇ كۆرسەتتى.

چاپقۇنلىماق

  • چاپقۇنلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قار ياكى يامغۇر ئارىلاش بوران چىقماق:[مىسال:] مىلتىقلار خۇددى چاپقۇنلاپ يېغىۋاتقان يامغۇردەك، قويۇق ئېتىلماقتا ئىدى.

چاپقىدىماق

  • چاپقىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېغىن ئارىلاش چىققان بوران، شىۋىرغان قاتتىق ئۇرۇلماق:[مىسال:] كۈنپېتىشتىن چاپقىداپ شامال ئۇرۇپ تۇراتتى.

چاپلاتماق

  • چاپلاتماق[يەشمىسى:] «چاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاپلاشقاق

  • چاپلاشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان چاپلىشىدىغان، چاپلىشىۋالىدىغان، تېز يېپىشىدىغان:[مىسال:] چاپلاشقاق ئوت. چاپلاشقاق لاي.

چاپلاشقاقلىق

  • چاپلاشقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسان چاپلىشىدىغان خۇسۇسىيەت.

چاپلاشماق

  • چاپلاشماق[يەشمىسى:] ① چاپلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، بىرقانچە بالا مەكتەپ تاملىرىغا بالىلار بايرىمى ھەققىدە يېزىلغان شۇئارلارنى چاپلىشىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە مەھكەم تېگىپ تۇرماق، يېپىشماق:[مىسال:] يەرگە چاپلاشماق. تامغا چاپلاشماق.[يەشمىسى:] ③ كەينىگە كىرىۋالماق، پېشىگە ئېسىلىۋالماق؛ يېپىشىۋالماق:[مىسال:] مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا سۆگەلدەكلا چاپلاشتىم.[يەشمىسى:] ④ ئولاشماق، چېپىلماق، يۇقماق، يېپشىماق:[مىسال:] جىن چاپلاشماق.

چاپلاقلىق

  • چاپلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاپلانغان، چاپلاپ قويۇلغان:[مىسال:] چاپلاقلىق رەسىم. چاپلاقلىق گېزىت.

چاپلانماق

  • چاپلانماق[يەشمىسى:] «چاپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئېلان چاپلانماق.

چاپلىما

  • چاپلىما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاپلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، چاپلاپ بېكىتىلگەن:[مىسال:] چاپلىما يانچۇق.

چاپلىماق

  • چاپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يەملىمەك، يېپىشتۇرماق:[مىسال:] ماركا چاپلىماق. لاي چاپلىماق.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە تەگدۈرمەك، ياقماق:[مىسال:] يۈزىنى-يۈزىگە چاپلىماق.[يەشمىسى:] ③ مۇناسىۋىتى، چاتىقى بار دېگەن قاراشنى پەيدا قىلماق:[مىسال:] ئېيتىڭا، ئەزىرىخان دېدى ئۇ توغرىدىن-توغرىلا، ئەكبەرنى پاتىمىگە چاپلىماق بولغانلار قايسى مۇراد-مەقسىتىگە يەتمەكچىكەن[يەشمىسى:] ④ يۈكلىمەك، ئارتماق:[مىسال:] بوھتان چاپلىماق. تۆھمەت چاپلىماق.[يەشمىسى:] ⑤ [يەشمىسى:] قوشماق، ئۆستۈرمەك، ئۆرلەتمەك:[مىسال:] باھا چاپلىماق.

چاپماⅠ

  • چاپماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېپىلىدىغان، چاپىدىغان؛ چېپىلغان:[مىسال:] چاپما ھەرە. چاپما ئۇلاق.

چاپماⅡ

  • چاپماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پۈتەي چىقىرىلغان، پۈتۈن ئويۇلغان.

چاپماقⅠ

  • چاپماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئايغىر ياكى ھاڭگا ئېشەك بايتال ياكى مادا ئېشەك بىلەن جۈپلەشمەك؛ ئارتىلماق، ئېسىلماق.

چاپماقⅡ

  • چاپماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر يۆنىلىشتە تېز ھەرىكەت قىلماق؛ يۈگۈرمەك:[مىسال:] بالىنى ئىشقا بۇيرۇپ، كەينىدىن ئۆزۈڭ چاپ (ماقال).[يەشمىسى:] ② (ئات) سالماق، قويماق؛ يۈگۈرتمەك:[مىسال:] دەل شۇ چاغدا، سايلىقنى يېرىپ بىر ئات چېپىپ كېلىۋاتاتتى.

چاپماقⅢ

  • چاپماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن پارچىلىماق، يارماق، كەسمەك:[مىسال:] پالتا بىلەن چاپماق. يانتاق چاپماق.  ۋاقتى ئۆتكەندە قىلىچىڭنى پوققا چاپ (ماقال).[يەشمىسى:] ② قازماق؛ كولىماق:[مىسال:] ئۆستەڭ چاپماق.

چاپماقⅣ

  • چاپماقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ بىرەر جايىغا شىلىمسىمان سۇيۇقلۇق ياكى مەلھەملىك نەرسىنى سۈرمەك، يېپىشتۇرماق:[مىسال:] باشقا يېلىم چاپماق. بەدەنگە دورا چاپماق.

چاپمۇچاپ

  • چاپمۇچاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇدۇلمۇئۇدۇل، يۈزمۇيۈز:[مىسال:] ئۇ مۇھەممەت روزى ئۆيىگە بۇرۇلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە، سۇلتان ىبلەن چاپمۇچاپ ئۇچرىشىپ قالدى.

چاپمىلىق

  • چاپمىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق زاپاس ئوزۇقى ئۈچۈن ئوت-چۆپ چېپىۋېلىنىدىغان جايلار. بۇنداق جايلاردا ئادەتتە چارۋا بېقىلمايدۇ ياكى ئوت-چۆپ چېپىۋېلىنغاندىن كېيىن بېقىلىدۇ.

چاپىⅠ

  • چاپىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نەشر:[مىسال:] چاپى قىلماق.

چاپىⅡ

  • چاپىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شادىلىق كەڭ كارىۋات.

چات

  • چات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىككى ئاياغنىڭ ئارىسى؛ چاتراق:[مىسال:] چات كەرمەك. چېتىنى يىرماق.[يەشمىسى:] ② ئىككى يول ياكى لىنىيىنىڭ تۇتاشقان ياكى ئايرىلغان يېرى:[مىسال:] ئەنە ئاشۇ تۇمشۇق ئالدىدىكى چاتتىن كىرىمىز، ئۇنىڭ ئىچى «سۇلۇۋ ساي» دەپ ئاتىلىدۇ.

چات كەرمەك

  • چات كەرمەك[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالماق، ھەممە ئىشنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋالماق.

چاتاتماق

  • چاتاتماق[يەشمىسى:] «چاتىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاتاشماق

  • چاتاشماق[يەشمىسى:] «چاتىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاتاقⅠ

  • چاتاقⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن ئوڭۇشسىزلىق؛ يامان ئاقىۋەت، پېشكەللىك:[مىسال:] چاتاق بولماق، چاتاققا قالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى بىرەر نەرسىدىن كۆرۈلگەن ئاۋارىچىلىك؛ توسالغۇ، كاشىلا:[مىسال:] چاتاق تاپماق. چاتاق چىقماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاتا قىلىنغان، توغرا بولمىغان؛ ناتوغرا:[مىسال:] چاتاق ئىش.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر سەۋەب تۈپەيلى يۈز بەرگەن ماجىرا؛ ئۇرۇش، جېدەل:[مىسال:] چاتاق چىقارماق.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەيىب، نۇقسان، ئېۋەن:[مىسال:] قېنى بۇ ئەينەك بىلەن ئارقىڭىزنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ. چاتاق بارمۇ-يوق[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ساغلام ئەمەس، ساغلام بولمىغان؛ كېسەل، ئاغرىق:[مىسال:] ئاشقازىنىڭىز چاتاق ئىكەن، داۋالىنىڭ.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇناسىۋەت، ئالاقە:[مىسال:] سېنىڭ ئىشىڭ بىلەن مېنىڭ نېمە چاتىقىم.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بولمىغان، مۇرەككەپ، مۈجمەل تەرەپ:[مىسال:] ھۆسەن ئاكام چاتاقنىڭ نەدىلىكىنى تاپالماي، ھەم ھەيران بولدى. ھەم سوغۇققانلىق بىلەن سەۋەبنى ئىزدىدى.

چاتاقⅡ

  • چاتاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرەخ غولىدىن ئايرىلىپ چىققان شاخ؛ پۇتاق:[مىسال:] چاتاق كەسمەك. چاتاق پۇتىماق.

چاتاقچى

  • چاتاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرىدىغان، غوۋغا چىقىرىدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى، چاتىقىنى ئىزلىگۈچى؛ قۇسۇرچى.

چاتاقلاشتۇرماق

  • چاتاقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «چاتاقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىشنى چاتاقلاشتۇرماق. مۇناسىۋەتنى چاتاقلاشتۇرماق.

چاتاقلاشماق

  • چاتاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چاتاق، يامان، خەتەرلىك ھالەتكە كەلمەك، يامانلاشماق:[مىسال:] مېنىڭ ئىشىم چاتاقلاشقىلى تۇردى.[يەشمىسى:] ② جېدەللەشمەك، ئۇرۇشماق:[مىسال:] سەن نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن چاتاقلىشىسەن.[يەشمىسى:] ③ بىر-بىرى بىلەن چاتاق تېرىماق، يامان ئىش قىلماق:[مىسال:] ئۇ ھەر كۈنى كەچتە گايىت باينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ قىزى بىلەن چاتاقلىشىپ يۈرىدۇ.

چاتاقلىقⅠ

  • چاتاقلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاتاق ھالەت ياكى ئەھۋال:[مىسال:] ئىشنىڭ چاتاقلىقى مەلۇم بولدى.

چاتاقلىقⅡ

  • چاتاقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇتىقى بار، پۇتىقى كۆپ؛ شاخلىق:[مىسال:] چاتاقلىق تېرەك. چاتاقلىق دەرەخ.

چاتاقلىماق

  • چاتاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاتاق، شاخ چىقارماق، شاخلىماق:[مىسال:] بولۇق ئىدى، تەكشى ئىدى، ھەم قويۇق، يۈرەك ئويناپ ئىلھام-ھەۋەس ئالاتتۇق. چاتاقلىغان بەرگى-شېخى ھەر تامان، ساپ ھاۋالىق ئىشقى بىلەن ياناتتۇق.

چاتالماق

  • چاتالماق[يەشمىسى:] «چاتىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاتراق

  • چاتراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى، چات:[مىسال:] چاترىقىغا قىستۇرماق. چاترىقىنى يىرماق.

چاتقال

  • چاتقال[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بويى پاكار، توپ-توپ بولۇپ، شاخلىنىپ ئۆسىدىغان ياغاچ غوللۇق بىر خىل ئۆسۈملۈك.[يەشمىسى:] ② تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى.

چاتقالسىمان

  • چاتقالسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاتقالغا ئوخشاش ئۆسىدىغان، چاتقال تىپىدىكى.

چاتقاللىق

  • چاتقاللىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاتقىلى بار، چاتقال كۆپ ئۆسكەن:[مىسال:] چاتقاللىق ساي. چاتقاللىق ئېدىر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاتقال كۆپ جاي:[مىسال:] ئۇ نۇرغۇن يول يۈرۈپ، بىر چاتقاللىققا كىرىپ كېتىپتۇ.

چاتقۇ

  • چاتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى بىر-بىرىگە چېتىپ تۇرىدىغان پەچىم.

چاتقۇچ

  • چاتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] ماشىنا، ئاپتوموبىل، پويىز، ئىشىك-دېرىزە، جابدۇق ۋە ھەر خىل ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىككى بۆلىكىنى بىر-بىرىگە چېتىپ تۇرىدىغان قۇرۇلما ياكى دېتال.

چاتقۇزماق

  • چاتقۇزماق[يەشمىسى:] «چاتماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاتما

  • چاتما[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە چېتىلغان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] ئاپتوموبىللارنىڭ ئارقىسىغا چېتىلىدىغان قوشۇمچە كوزۇپ.

چاتماق

  • چاتماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇ يەر-بۇ يەردىن تىكىپ قويماق، ئۇلىماق، بىرىكتۈرمەك، بېكىتمەك:[مىسال:] يەڭنى چاتماق. باشلىقنى چاتماق.[يەشمىسى:] ② باغلىماق، تاڭماق، چىگمەك، بوغماق:[مىسال:] ئۇلاغنى چاتماق.[يەشمىسى:] ③ تىركىمەك، سۆرەتمەك:[مىسال:] بىرىنچى ماتورلۇق كېمە ئارقىسىغا بىر پۇقرا قېيىقىنى چېتىۋالغانىدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باغلىماق، بىرلەشتۈرمەك:[مىسال:] ئۇ ئادىل بىلەن ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى خېلى ۋاقىتلاردىن بۇيان بىللە چېتىپ چۈشىنىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە قوشماق، تويىنى قىلماق:[مىسال:] نەۋرىنى نەۋرىگە چاتماق. ئۆگەينى ئۆگەيگە چاتماق.

چاتىر

  • چاتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نۆشۈدۈر.

چاتىماق

  • چاتىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەل-دەرەخلەرنىڭ ھارام شاخلىرىنى كېسىپ ئېلىۋەتمەك؛ پۇتىماق:[مىسال:] دەرەخ شاخلىرىنى چاتىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئايرىماق، بۆلمەك:[مىسال:] ئۇ ئەتراپىغا سەپسالدى. جىرادىن بىر نورلۇق سۇنى چاتاپ ئاچسىلا، تۈگمەننىڭ كويلىسى ئارقىلىق ئايلىنىپ شەيتان قىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىدىغان ئېرىقنىڭ ئىزى تۇراتتى.

چاجاڭ

  • چاجاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يۇقىرى ئورۇندىن كەلگەن ئەمەلدار ياكى ئابرويلۇق مېھماننى قارشى ئېلىش، دەم ئالدۇرۇش ئۈچۈن يولنىڭ بەلگىلىك جايىغا ياسالغان ۋاقىتلىق تۇرار جاي:[مىسال:] چاجاڭ تىكمەك. چاجاڭ قۇرماق.

چاجۇپ

  • چاجۇپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جىنازىغا ئۆلۈكنى سالىدىغان تاختاي؛ تەختىراۋان.

چاچ

  • چاچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئادەمنىڭ باش قىسمىدا ئۆسىدىغان تۈك ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرى؛ موي:[مىسال:] چاچ ئالماق. چاچ سالماق.[يەشمىسى:] ② قوي، كالا قاتارلىق چارۋىلارنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى بويلاپ ئورۇنلاشقان سىڭىر.

چاچاق

  • چاچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپلەرنىڭ پاكار ھەم شالاڭ ئۆسكەن جايى.

چاچپۆپۈك

  • چاچپۆپۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چاچ+پۆپۈك[[يەشمىسى:] ئىككى تال ئۆرۈم چاچنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاسىدىغان، مەشۇتتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى:[مىسال:] چاچپۆپۈك ئاسماق.

چاچتەڭگە

  • چاچتەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چاچ+تەڭگە[[يەشمىسى:] ئۆرۈلگەن ئىككى تال چاچنى ئارقا تەرىپىدىن چاتىدىغان، كۈمۈشتىن تەڭگە شەكلىدە ياسالغان زىننەت بۇيۇمى:[مىسال:] چاچتەڭگە ئاسماق. چاچتەڭگە سالماق.

چاچتۇرماق

  • چاچتۇرماق[يەشمىسى:] «چاچماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇ چاچتۇرماق. ئۇرۇق چاچتۇرماق.

چاچراتقۇ

  • چاچراتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەدەندە، يۈزدە پەيدا بولىدىغان يىرىڭسىمان سۇلۇق يارا:[مىسال:] چاچراتقۇ چىقماق.

چاچراتماق

  • چاچراتماق[يەشمىسى:] «چاچرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۈكۈرۈكىنى چاچراتماق.

چاچراشماق

  • چاچراشماق[يەشمىسى:] «چاچرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاچراندى

  • چاچراندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① سۇ، يۇندى، لاي، چوڭ-كىچىك تەرەت قاتارلىقلارنىڭ چاچراپ كەتكەن تامچىسى:[مىسال:] سۇ چاچراندىسى.[يەشمىسى:] ② ئوتتىن چاچراپ چىققان ئۇششاق چوغ ياكى ئۇچقۇن:[مىسال:] ئەمەسمەن بىر پۈتۈن گۈلخان ئىچىدىن، ئاجرىلىپ چىققان ئوت چاچراندىسى، ئەمەسمەن دەم ئۇيان-دەم بۇيان باققان، مادارسىز كۆزلەرنىڭ جۈپتى-پارىسى.

چاچرىتىلماق

  • چاچرىتىلماق[يەشمىسى:] «چاچراتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاچرىماق

  • چاچرىماق[يەشمىسى:] پ[يەشمىسى:] ① تاشقى تەسىر تۈپەيلىدىن پارچىلىنىپ ئېتىلماق، چېچىلماق (سۇيۇقلۇق ھەققىدە):[مىسال:] سۇ چاچرىماق. يۇندى چاچرىماق.* پوققا چالما ئاتساڭ، ئۆزۈڭگە چاچرار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۇششاقلىنىپ، ئاجرىلىپ، ئېتىلىپ چىقماق (قاتتىق نەرسە ھەققىدە):[مىسال:] ئوت چاچرىماق. يېرىندى چاچرىماق.[يەشمىسى:] ③ تېز ھەرىكەت قىلماق؛ ئىرغىپ چىقماق، سەكرىمەك:[مىسال:] چاچراپ تۇرماق. چاچراپ قوپماق.[يەشمىسى:] ④ چېچەكتىن ئايرىلىپ مېۋىگە كىرمەك؛ غورىلىماق، خەمەكلىمەك، مېۋىلىمەك (گۈل-گىياھ، ئۆسۈملۈك ھەققىدە):[مىسال:] ھازىر سويمىلارنىڭ چوڭى باشتەك، كىچىكلىرى كەپتەر تۇخۇمىدەك، يېڭى چاچراۋاتقانلىرىمۇ بار ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ چۈشۈپ كەتمەك (ھامىلە ھەققىدە):[مىسال:] تۆرەخاننىڭ ئانىسى دەناخان تۆرەخاندىن بۇرۇن ئاق-قارا تۆتنى تۇغقان بولۇپ، ھەممىسى چاچراپ كەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇرغۇماق، تاشماق، ئۆرلىمەك، يانماق (مېھىر-مۇھەببەت ۋە غەزەپ-نەپرەت ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنى چاچراپ تۇراتتى.

چاچ-ساقال

  • چاچ-ساقال[يەشمىسى:] چاچ ۋە ساقال قاتارلىق بەدەننىڭ كۆرۈنۈشلۈك جايىدىكى تۈكلەر.

چاچسىز

  • چاچسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېچى يوق؛ چېچى شالاڭ، ئاز:[مىسال:] چاچسىز ئايال بولماس، ساقالسىز ئەر بولماس (ماقال).

چاچقۇ

  • چاچقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تويدا كېلىننىڭ شۇنىڭدەك يېڭى تۇغۇلغان ياكى خەتنە قىلىنىدىغان بالىنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ، چېچىلىدىغان پۇل ياكى كەمپۈت قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] چاچقۇ چاچماق.

چاچقۇن

  • چاچقۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چېچىلغان، چېچىلاڭغۇ، تارقاق:[مىسال:] بۇ كەنتتىكى ئۆيلەر بۇرۇن چاچقۇن ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئاسان ئاچچىقى كېلىدىغان، چېچىلىدىغان؛ تېرىككەك، سەپرا:[مىسال:] چاچقۇن ئايال.

چاچقىرىق

  • چاچقىرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كالىنىڭ بويۇن قىسمىدىكى قاتتىق سىڭىر.

چاچلاشماق

  • چاچلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاچلىرىنى تارتىشىپ، يۇلۇشۇپ ئۇرۇشماق.

چاچلىق

  • چاچلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېچى بار، چاچقا ئىگە:[مىسال:] ئاق چاچلىق ئادەم. بۈدۈر چاچلىق بالا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېچى تولا، چېچى كۆپ، چېچى قويۇق ياكى چېچى ئۇزۇن:[مىسال:] چاچلىق قىز.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللار ئېسىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن سۈنئىي چاچ؛ جالا:[مىسال:] چاچلىق ئاسماق. چاچلىق تاقىماق. چاچلىق سالماق.

چاچما

  • چاچما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چېچىلغان، چېچىلىدىغان، شالاڭ ھالەتتىكى:[مىسال:] چاچما نۇسخىلىق گىلەم.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] پۈركۈپ ئېتىلىدىغان، چېچىلىپ تېگىدىغان؛ پىتىرا:[مىسال:] چاچما مىلتىق. چاچما ئوق.

چاچماق

  • چاچماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مەلۇم سۇيۇقلۇقنى سەپمەك، پۈركىمەك:[مىسال:] سۇ چاچماق. ئەتىر چاچماق.[يەشمىسى:] ② مەلۇم نەرسىنى تارقىتىپ چۈشۈرمەك:[مىسال:] ئۇرۇق چاچماق. ئوغۇت چاچماق.[يەشمىسى:] ③ تەقسىم قىلماق:[مىسال:] بۇ ئولتۇرۇشنىڭ پۇلىنى كىشى بېشىغا چاچقاندا 12 كويدىن توختىمايدۇ.[يەشمىسى:] ④ بەتخەجلىك قىلماق، زايە قىلماق، ئىسراپ قىلماق:[مىسال:] باياشات بولدى دەپلا بۇزدى-چاچتى قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى ئۇ كۆپچىلىككە.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تارقاتماق، سىڭدۈرمەك، يۇقتۇرماق:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان بىلىمسىز كىشىدە ئوقۇمىساڭمۇ بولىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تاراتماق، يايماق:[مىسال:] گۈل بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىتنى تەبرىكلەۋاتقاندەك، ئەتراپقا خۇش پۇراق چاچماقتا ئىدى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۆلمەك، قاچۇرماق، تارقاتماق:[مىسال:] شۇ چاغدا شوپۇر ئۇنىڭ پىكرىنى چېچىۋەتتى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يالتىراتماق، پارلاتماق:[مىسال:] ئۇنىڭ بوينىدا ھېلىقى مېدالىئون نۇر چېچىپ تۇراتتى.

چاچۋاغ

  • چاچۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چاچ+باغ[[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ چېچىغا ئاسىدىغان ئالتۇن ياكى كۆمۈشتىن ياسالغان زەنجىرسىمان زىننەت بۇيۇمى:[مىسال:] چاچۋاغ ئاسماق. چاچۋاغ ياساتماق.

چاچۋاغلىق

  • چاچۋاغلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چاچۋېغى بار، چاچۋاغ ئاسقان.[يەشمىسى:] ② چاچۋاغ ياساشقا بولىدىغان.

چاچۋان

  • چاچۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللار يۈزىگە تارتىدىغان توقۇلما نىقاب؛ چۈمپەردە.

چاچۋانلىق

  • چاچۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزىگە چاچۋان تارتقان:[مىسال:] چاچۋانلىق ئايال.

چاچى-پاچى

  • چاچى-پاچى[يەشمىسى:] ئوقۇشقا قىيىن بولغان، ئاڭلىغىلى بولمايدىغان، قالايمىقان:[مىسال:] چاچى-پاچى دېمەك.

چاد

  • چاد[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] چاد جۇمھۇرىيىتى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى بىر مىليون 284 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، چوڭ-كىچىك 140 تىن ئارتۇق قەبىلە ۋە مىللەت بار. ئاھالىسىنىڭ يېرىمى ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

چارⅠ

  • چارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇغداي، ئارپا باشاقلىرىنىڭ پوستىدىن ئاجرالماي ئىلغىنىپ قالغان دېنى:[مىسال:] چار تەپمەك. چار سوقماق. بۇغداينىڭ چېرى.

چارⅡ

  • چارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاق بىلەن قارا ئارىلاشقان، ئاق كىرگەن، ئاق باسقان (چاچ-ساقال، تۈك قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] چار باش. چار بۇرۇت. چار ساقال.[يەشمىسى:] ② ئاققا قارا ۋە باشقا خىل رەڭ ئارىلاشقان؛ ئالىچىپار، چىپار (ھايۋانلارنىڭ رەڭگى ھەققىدە):[مىسال:] چار پاقا. چار خوراز. چار يىلان. * ئالا ئېنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق(ماقال).

چارⅣ

  • چارⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەيىب، ئېۋەن، ئالىلىق.

چارا

  • چارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇمىلاق، چۆچەكتىن چوڭراق، چوڭقۇر ياغاچ قاچا:[مىسال:] بىر چارا ئاش. بىر چارا ئۇن.

چارا كۆز

  • چارا كۆز[يەشمىسى:] چاناقنىڭ ئىچىگىرەك جايلاشقان يوغان كۆز:[مىسال:] چارا كۆز بالا.

چاراس

  • چاراس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مۇز، ئەينەك، قوغۇن قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ سۇنۇش، يېرىلىش، چېقىلىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] چاراس قىلماق.

چاراس-چاراس

  • چاراس-چاراس[يەشمىسى:] «چاراس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

چاراس-چۇرۇس

  • چاراس-چۇرۇس[يەشمىسى:] «چاراس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] «چاراس-چۇرۇس»قىلىپ سۇنماق.

چاراسسىدە

  • چاراسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چاراس» قىلغان ھالدا، «چاراس» قىلىپ.

چاراسلاتماق

  • چاراسلاتماق[يەشمىسى:] «چاراسلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاراسلىماق

  • چاراسلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چاراس» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] قىز دەسسەپ تۇرغان يەرنىڭ مۇزى ئىككى قېتىم چاراسلىدى.

چاراڭ

  • چاراڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇلۇپ چېقىلىشى ۋە ۋارقىراشلاردىن ھاسىل بولغان ئارىلاشما شاۋقۇنلۇق ئاۋاز.

چاراڭ-چۇرۇڭ

  • چاراڭ-چۇرۇڭ[يەشمىسى:] «چاراڭ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

چارەⅠ

  • چارەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى، مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن قوللانغان ئۇسۇل؛ تەدبىر، ئامال:[مىسال:] ئەمەلىي چارە. كەسكىن چارە.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىدارە، جەمئىيەت ۋە كوللېكتىپ ئورۇنلار ئۆز تەۋەلىكىدە يولغا قويغان قائىدە؛ تۈزۈم، بەلگىلىمە:[مىسال:] بۇ چارە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ③ تەنبىھ، جازا:[مىسال:] چارە كۆرمەك.

چارەⅡ

  • چارەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىش كېلىشتە كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن «ئۈستۈن، يۇقىرى، ئارتۇق» دېگەن مەنىدە ئالدىنقىسىغا سېلىشتۇرغانلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] گۈلسۈمخان ئاچا گۈلنىسا قىزنى ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ چارىراق كۆرەتتى.

چارە-ئامال

  • چارە-ئامال[يەشمىسى:] چارە ۋە ئامال:[مىسال:] چارە-ئامال قوللانماق.

چارە-تەدبىر

  • چارە-تەدبىر[يەشمىسى:] چارە ۋە تەدبىر:[مىسال:] چارە-تەدبىر قوللانماق.

چارە-تەدبىرلىك

  • چارە-تەدبىرلىك[يەشمىسى:] چارە ۋە تەدبىرى بار، چارە ۋە تەدبىر تاپالايدىغان:[مىسال:] چارە-تەدبىرلىك ئادەم. چارە-تەدبىرلىك رەھبەر.

چارەكⅠ

  • چارەكⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىرلىق ئۆلچىمى. چارەك بەزى جايلاردا ئون كىلوگرام، بەزى جايلاردا 15 كلوگرام، بەزى جايلاردا سەككىز كىلوگرام ۋە بەزى جايلاردا 11 كىلوگرامغا باراۋەر كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ئېغىرلىقنى ئۆلچەش ئەسۋابى.

چارەكⅡ

  • چارەكⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سان.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ياكى ۋاقىتنىڭ تۆتتىن بىرى:[مىسال:] چارەك سائەت. چارەك ئەسىر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەكشىلىكتىكى ئۆزئارا تىك بولغان ئىككى تۈز سىزىق تەكشىلىكنى تۆت بۆلەككە بۆلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىر بۆلەك «چارەك» دېيىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئوقۇش يىلىنىڭ تۆتتىن بىرى.

چارەكⅢ

  • چارەكⅢ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] قولنىڭ باش بارمىقىنىڭ ئۇچىدىن بىگىز بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقنى بىرلىك قىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمى.

چارەكلەتمەك

  • چارەكلەتمەك[يەشمىسى:] «چارەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چارەكلەشمەك

  • چارەكلەشمەك[يەشمىسى:] «چارەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چارەكلەنمەك

  • چارەكلەنمەك[يەشمىسى:] «چارەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چارەكلىك

  • چارەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاشلىق ئۆلچەيدىغان چارەك بىرلىك قىلىنغان، چارەك بويىچە ھېسابلانغان:[مىسال:] ئالتە چارەكلىك تاغار.[يەشمىسى:] ② چارەك ئۇرۇق كېتىدىغان ياكى چېچىلىدىغان:[مىسال:] بىر چارەكلىك يەر.[يەشمىسى:] ③ بىرنەرسىنىڭ تۆتتىن بىرى بىرلىك قىلىنغان، چارەك بويىچە ھېسابلانغان:[مىسال:] چارەكلىك ئىمتىھان.

چارەكلىمەك

  • چارەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چارەك بىلەن ئۆلچىمەك:[مىسال:] ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى. چارەكلەپ يەمدۇق، پاتمانلاپ يەمدۇق، ئىختىيار ئۆزىمىزدە، دېدى رەۋىخان ئۆز-ئۆزىگە.

چاربازار

  • چاربازار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يېزا-كەنت، رايونلاردا ھەپتىنىڭ ھەر خىل كۈنلىرى بولىدىغان بازار.

چاربازارچى

  • چاربازارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بازار تاشلىماي، چاربازاردا سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى سودىگەر.

چاربازارچىلىق

  • چاربازارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاربازاردا سودا-سېتىق قىلىش پائالىيىتى.

چاربۇرجەك

  • چاربۇرجەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چار+بۇرجەك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاربۇرجەك ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. غولى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ، مەددىنى چۈشۈرۈش ۋە تاماق سىڭدۈرۈش رولىغا ئىگە.

چارپادىشاھ

  • چارپادىشاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] «چار» رۇسچە «ئېمپېراتور» مەنىسىدىكى سۆز. «چارپادىشاھ» روسىيە بىلەم بۇلغارىيىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.

چارپاي

  • چارپاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «چارۋا»غا قاراڭ:[مىسال:] چارپاي يىغماق.

چارپۇتلاتماق

  • چارپۇتلاتماق[يەشمىسى:] «چارپۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چارپۇتلاشماق

  • چارپۇتلاشماق[يەشمىسى:] «چارپۇتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چارپۇتلانماق

  • چارپۇتلانماق[يەشمىسى:] «چارپۇتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چارپۇتلىماق

  • چارپۇتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]چار+پۇتلىماق[[يەشمىسى:] پۇتلاپ، چىرماق سېلىپ ئوڭدىسىغا يېقىتماق:[مىسال:] ئۇ ئېسىنى يىغىپ بولغۇچە، ئىشىكتىن يولۋاستەك ئېتىلىپ كىرگەن رەھمەتجان بىرلا چارپۇتلاپ، ئۇنى تىك موللاق چۈشۈردى-دە، ئۈستىگە مىنىۋالدى.

چارپېلەك

  • چارپېلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چار+پېلەك[[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر خىلى.

چارتال

  • چارتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چار+تال[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① ئازغان ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. ئىللىق رايونلاردا ئۆسىدۇ، مېۋىسىنى يېيىشكە بولىدۇ. يوپۇرمىقى بىلەن ئۈچكىسى دورا قىلىنىدۇ، يۆتەل پەسەيتىش رولىغا ئىگە.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

چارچاپ

  • چارچاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە چېتىلغان تۆت ياغاچ ۋە شۇ ياغاچتىن ياسالغان قۇرۇلما، جاھاز.[يەشمىسى:] ② شادىلىق كىچىك كارىۋات.[يەشمىسى:] ③ ئۈستىگە كوزا ياكى تەلەڭگە، داس قويۇلىدىغان، ئۈچ ياكى تۆت پۇتلۇق ياغاچ رامكا، جاھاز.

چارچاتماق

  • چارچاتماق[يەشمىسى:] «چارچىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چارچاشماق

  • چارچاشماق[يەشمىسى:] «چارچىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چارچاڭ

  • چارچاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئىچىشكە تەس بولغان؛ قىرتاق، قاڭسىق:[مىسال:] چارچاڭ ھاراق.[يەشمىسى:] ② قۇلاققا ياقمايدىغان؛ مۇڭسىز، يېقىمسىز:[مىسال:] چارچاڭ ناخشا.[يەشمىسى:] ③ مۇناسىۋەتتە يىرىك، تولا جېدەللىشىدىغان؛ ئۇرۇشقاق، قوپال:[مىسال:] چارچاڭ ئادەم.

چارچاڭغۇ

  • چارچاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چارچاپ قالغان، چارچىغان، ھاردۇق يەتكەن:[مىسال:] چارچاڭغۇ ئادەم.

چارچۈرۈك

  • چارچۈرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چار+چۈرۈك[[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ بىر تۈرى.

چارچىماق

  • چارچىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ئەمگەك پائالىيىتى نەتىجىسىدە ھارغىنلىق سەزمەك؛ ھارماق، تالماق:[مىسال:] سەپەردە چارچىماق. ئەمگەكتە چارچىماق.

چارداش

  • چارداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ۋېنگرىيىچە sardas سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. بۇ ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ ئۇسسۇل (تانسا) مۇزىكىسى بولۇپ، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولغان.

چاردان

  • چاردان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولامچاقنىڭ چىلگە ۋە كۇدا ئوقلىرى ئورنىتىلغان ياغاچ سايمىنى.

چاردىۋان

  • چاردىۋان[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:]ناۋايىنىڭ لىرىك مىراسى «چاردىۋان»دۇر. ئەسلى نامى «خەزايىننۇل مەئانى» («مەنىلەر خەزىنىسى») بولۇپ، «غەريىبۇس سىخەر» («ياشلىق غارايىپلىرى»)، «نەۋادىرۇش شەباب» («يىگىتلىك نادىرلىرى»)، «بەدايىئۇل ۋەسەت» («ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى»)، «خەۋائىدۇل كىبار» («قېرىلىق پايدىلىرى») دېگەن ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنى ئۈچۈن «چاردىۋان» («تۆت توپلام») دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت، چىن ئىنسانىي سكيگۈ، ساداقەت، مېھرى-ۋاپا، دوستلۇق، ئىلىم، كامالەتكە بولغانئىخلاس، زالىملىق، ئالدامچىلىق، ئىنساپسىزلىق، ۋاپاسىزلىققا ئوخشاش يامان ئىللەتلەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر نەپرەت، زامانغا بولغان نارازىلىق قاتارلىقلار ئاساسىي تېما قىلىنغان.

چاررۇسىيە

  • چاررۇسىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] چارپادىشاھى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى رۇسىيە.

چارزەپ

  • چارزەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] مۇقام تەركىبىدىكى ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىلىرىنىڭ بىر تۈرى:[مىسال:] چارزەپ مۇزىكىسى.

چارس

  • چارس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مۇز، ئەينەك، چىنە قاتارلىق نەرسىلەر تاشقى تەسىر تۈپەيلىدىن دەز كەتكەندە پەيدا بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] لامپىنىڭ ئەينىكى «چارس» قىلىپ ئېتىلىپ كەتتى.

چارس-چارس

  • چارس-چارس[يەشمىسى:] «چارس» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

چارس-چۇرس

  • چارس-چۇرس[يەشمىسى:] «چارس» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] مۇخبىرلار ھەر تەرەپتىن «چارس-چۇرس» قىلىپ سۈرەتكە تارتقىلى تۇردى.

چارسسىدە

  • چارسسىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چارس» قىلغان ھالدا، «چارس» قىلىپ:[مىسال:] تاش دېرىزىگە تېگىپ «چارسسىدە» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئەينەك پارچىلىرى يەرگە چۈشتى.

چارسىلداتماق

  • چارسىلداتماق[يەشمىسى:] «چارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چارسىلداشماق

  • چارسىلداشماق[يەشمىسى:] «چارسىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چارسىلدىماق

  • چارسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چارس-چارس»قىلىپ ئاۋاز چىقماق؛ «چارس-چارس» قىلماق:[مىسال:] ئوچاقتا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان قۇرۇق ئوتۇنلار چارسىلدىماقتا ئىدى.

چارشەنبە

  • چارشەنبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ھەپتىنىڭ سەيشەنبىدىن كېيىن، پەيشەنبىدىن ئىلگىرىكى ئۈچىنچى كۈنى.

چارشەنبە بازار

  • چارشەنبە بازار[يەشمىسى:] ① ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى بولىدىغان بازار.[يەشمىسى:] ② چارشەنبە كۈنى بازار بولىدىغان شۇ جاينىڭ نامى:[مىسال:] بىز چارشەنبە بازارغا كەلگەن چاغدا كۈن ئولتۇردى.

چارگاھ

  • چارگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ 4-مۇقامىنىڭ نامى:[مىسال:] چارگاھ مۇقامى.

چارلاتماق

  • چارلاتماق[يەشمىسى:] «چارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چارلاش

  • چارلاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر مەقسەت بىلەن ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش، ئاختۇرۇش، كۆزىتىش.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] كان بايلىقلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ۋە كان گەۋدىسىنىڭ ئورنى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، مەدەن ھاسىل قىلىش قانۇنىيىتى، تاغ جىنسلىق خۇسۇسىيىتى، گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆلچەپ بېكىتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

چارلاشماقⅠ

  • چارلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «چارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ساقچىلار كوچىلارنى چارلىشىپ يۈرەتتى.

چارلاشماقⅡ

  • چارلاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چار ھالەتكە كەلمەك، چار بولماق:[مىسال:] گۆھەرخان چوڭ ئاناممۇ ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، ئاق كىرىپ چارلاشقان چېچىنىڭ ئۈستىدىن ياغلىقىنى چېكىلەپ تېڭىپ كوچىغا چىقتى.

چارلانماق

  • چارلانماق[يەشمىسى:] «چارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چارلىغۇچى

  • چارلىغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارمىيە ئىچىدىكى رازۋېدكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىم، رازۋېتچىك.

چارلىماق

  • چارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر مەقسەت بىلەن ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھەرىكەت ئېلىپ بارماق، كۆزەتمەك، ئاختۇرماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىلمىي تەتقىقات نۇقتىسىدىن گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماق؛ تاغ-دالىلارنى قىدىرماق، بايلىق ئىزلىمەك:[مىسال:] گېئولوگىيىلىك چارلاش ئېلىپ بارماق.

چارئوت

  • چارئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چار+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يۇپۇرمىقىنىڭ گىرۋەكلىرىدە ھەرە چىشلىرىغا ئوخشاش رەتسىز چىشلىرى بولىدۇ.

چارۋا

  • چارۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئات، كالا، قوي قاتارلىق تۆت ئاياغلىق مال.

چارۋاغ

  • چارۋاغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① شەھەر سىرتىدىكى تەبىئىي مەنزىرىلىك، ھاۋالىق جايغا قۇرۇلغان، ئۆي-قورۇسى بار باغ.[يەشمىسى:] ② قۇمۇل شەھىرىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

چارۋىچى

  • چارۋىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋە چارۋىغا ئىگە بولغان كىشى:[مىسال:] بۇ كەنتتە ئون ئائىلە چارۋىچى بار.

چارۋىچىلىق

  • چارۋىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارۋا بېقىش ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئىشى، كەسپى.

چارۋىدار

  • چارۋىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] چارۋىچىلىق رايونىدىكى يايلاق ۋە چارۋا ماللارنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە چارۋىچىلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كىشى.

چارىزم

  • چارىزم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] چار پادىشاھلىقىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىكىكە ئاساسلانغان دۆلەت تۈزۈمى:[مىسال:] چارىزم ھاكىمىيىتى. چارىزم ھۆكۈمرانلىقى.

چارىسىز

  • چارىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چارىسى يوق، چارە تاپالمىغان؛ ئىلاجىسىز:[مىسال:] چارىسىز ئىش بولماس، چارىسىز ئاش بولماس(ماقال).

چارىسىزلىق

  • چارىسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چارە يوقلۇق، چارە تاپالماسلىق، ئىلاجىسىزلىق.

چاريار

  • چاريار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئابابەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىدىن ئىبارەت تۆت ۋارىسى (تۆت خەلىپە).

چازاⅠ

  • چازاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] تەكشۈرۈش ئورنى، قاراۋۇلخانا؛ توسۇق:[مىسال:] چازا قۇرماق.

چازاⅡ

  • چازاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] چاچ قاتارلىقلارنى قىسىپ قويىدىغان تۆمۈر ياكى سۇلياۋ بۇيۇم، قىسقۇچ:[مىسال:] چازا قىستۇرماق.

چازاⅢ

  • چازاⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «باداشقان»غا قاراڭ:[مىسال:] چازا قۇرماق.

چاسⅠ

  • چاسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[مىق.[يەشمىسى:] كىنو سىنارىيىسىنىڭ ھەربىر بۆلىكى، قىسىم:[مىسال:] بۇ كىنو جەمئىي 14 چاس.

چاسⅡ

  • چاسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئورنىدا تىك تۇرۇپ، ئوڭ قولىنى چېكىگە تەگكۈزۈش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ھۆرمەت؛ ھەربىيچە سالام:[مىسال:] چاس بەرمەك.

چاسا

  • چاسا[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆت تەرىپى تەڭ بولغان، تۆت بۇرجەك شەكىلدىكى؛ كۋادرات:[مىسال:] چاسا تاش. چاسا ياغاچ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەھەر، جىڭلارنىڭ مەركىزىي كوچىسى، رەستە.

چاستوتا

  • چاستوتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ ھەر سېكۇنتتىكى تەۋرىنىش قېتىم سانى. بىرلىكى گېرتس. مەسىلەن، ئادەم ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازنىڭ چاستوتىسى 16 — 20000 گېرتسقىچە بولىدۇ. ئادەتتە ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چاستوتىسى 50 گېرتس. رادىئو ئىستانسىلىرى كۈندىلىك ئاڭلىتىشنى قايسى خىل دولقۇن ياكى چاستوتىدا تارقىتىشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

چاسلىق

  • چاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاسلىرى بار، چاسلارغا بۆلۈنگەن، چاسلارغا ئايرىلغان، قىسىملىق:[مىسال:] تۆت چاسلىق فىلىم.

چاسىلاتماق

  • چاسىلاتماق[يەشمىسى:] «چاسىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تېخنىك خادىملار بىر تۈركۈم تاشچىلارنى تەشكىللەپ، قېزىلغان تاشلارنى قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە باب كەلتۈرۈپ چاسىلاتتى.

چاسىلاشماق

  • چاسىلاشماق[يەشمىسى:] «چاسىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ياغاچچىلار كېسىلگەن ياغاچلارنى چاسىلاشتى.

چاسىلانماق

  • چاسىلانماق[يەشمىسى:] «چاسىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ياغاچلار چاسىلىنىپ بولدى.

چاسىلىماق

  • چاسىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاسا شەكلىگە، ھالىتىگە كەلتۈرمەك؛ تۆت تەرىپىنى تەڭ قىلماق:[مىسال:] ياغاچ چاسىلىماق.

چاسىۋەك

  • چاسىۋەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دېرىزە ئەينەكلىرىنى باستۇرۇپ تۇرىدىغان، ئۈستەل ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ قىرغاقلىرىغا ئورنىتىلىدىغان ئىنچىكە، قىرلىق ياغاچ.

چاشقان

  • چاشقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىر ئائىلىسى. تۈرى كۆپ، تېنى كىچىك، قۇيرۇقى ئۇزۇن، كۈرەك چىشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، قوزۇق چىشى بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] مۈچەل يىلى ھېسابىدىكى بىرىنچى يىل يەنى 12 مۈچەلدىكى ھايۋاننىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يىل.

چاشقانيارا

  • چاشقانيارا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چاشقان+يارا[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل كېسەللىك. كۆپرەك بويۇنغا چىقىدۇ، بەزىدە قولتۇققىمۇ چىقىدۇ. سىل تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ بويۇن ياكى قولتۇقتىكى لىمفا تۈگۈنىگە كىرىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ. ئالامەتلىرى؛ قاتتىق تۆگۈنچەكلەر پەيدا بولۇپ يىرىڭلاريدۇ. يارا ئاغزى ئاسانلىقچە پۈتمەيدۇ.

چاشكا

  • چاشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] فارفور ماتېرىياللاردىن ياسىلىدىغان، تۇتقۇچى بار، مەخسۇس چاي ئىچىدىغان قاچا.

چاشگاھ

  • چاشگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تاڭ ئېتىپ، كۈن بىرئاز ئۆرلىگەن ۋاقىت.

چاغⅠ

  • چاغⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇشال، خۇرسەن، شاد:[مىسال:] كۆڭلى چاغ. ۋاقتى چاغ.

چاغⅡ

  • چاغⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەۋر، مەزگىل، پەيت، ۋاقىت:[مىسال:] تاڭ ئاقارغان چاغ. قاش قارايغان چاغ.

چاغⅢ

  • چاغⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئىتنى قوغلاش، ھەيدەش ئۈچۈن ئېيتىلىدۇ.

چاغⅣ

  • چاغⅣ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دەل، ماس، لايىق، خوپ.

چاغⅤ

  • چاغⅤ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كۈچ-قۇۋۋەت، قۇرب؛ مادار.

چاغاتاي

  • چاغاتاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ نامى.

چاغاتاي تىلى

  • چاغاتاي تىلى[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە ⅩⅢئەسىردىن ⅩⅩ ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق قوللانغان ئەدەبىي تىل. بۇ تىلنىڭ «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتىلىپ قېلىشىغا چاغاتاي خانلىقى ۋە چاغاتاي ئەۋلادلىرى ئورناتقان باشقا خانلىقلارنىڭ بۇ تىلنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ قوللانغانلىقى سەۋەب بولغان.

چاغان

  • چاغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قەمەرىيە يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدىغان مەملىكىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، باھار بايرىمى.

چاغانلىق

  • چاغانلىق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاغانغا ئىشلىتىدىغان ياكى كېرەك قىلىدىغان؛ چاغانغا مۇناسىۋەتلىك:[مىسال:] چاغانلىق ئولتۇرۇش. چاغانلىق زىياپەت.

چاغلاشماقⅠ

  • چاغلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «چاغلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاغلاشماقⅡ

  • چاغلاشماقⅡ[يەشمىسى:] «چاغلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار قوناقلىرىنى ئۆزئارا لاپقۇتلىشىپ چاغلاشتى.

چاغلام

  • چاغلام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېۋەز، قوناق قاتارلىق زىرائەت مايسىلىرىنىڭ تۈۋىنى چاغلاپ (چېپىپ) يۇمشىتىش؛ چېپىق:[مىسال:] قوناقنىڭ بىرىنچى چاغلىمى.

چاغلانماقⅠ

  • چاغلانماقⅠ[يەشمىسى:] «چاغلىماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مايىم قولى باغلاندى، ئۆلتۈرمەككە چاغلاندى. ئاتا-ئانا دەردىدە، يۈرەك-باغرى داغلاندى.

چاغلانماقⅡ

  • چاغلانماقⅡ[يەشمىسى:] «چاغلىماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] كېۋەزلەر چاغلىنىپ بولدى.

چاغلىغۇچ

  • چاغلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زىرائەتلەرنىڭ تۈۋىنى چاناپ يۇمشىتىش، ئارىسىنى شالاڭلىتىش، ئوتىنى چاغلاش ئۈچۈن ئىشىلىتىلىدىغان ئۇزۇن دەستىلىك تىغلىق سايمان.

چاغلىق

  • چاغلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاددىي، كىچىك، ئانچىكى:[مىسال:] چاغلىق گەپ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەيران قالغۇدەك ئەمەس، چوڭ ئەمەس، چوڭ مەسىلە ئەمەس، چەكلىك:[مىسال:] دەسمايىسى چاغلىق. ھالى چاغلىق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]تىركەلمە.[يەشمىسى:] دېيەرلىك، باراۋېرىدە، ... چىلىكمۇ:[مىسال:] بازارغا بىر باغلام ئوتۇن، بىر باش پىياز چاغلىق نەرسە كىرگۈزمەپتۇ.

چاغلىماقⅠ

  • چاغلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مۆلچەرلىمەك، تەخمىن قىلماق، دەڭسىمەك:[مىسال:] ئۆزۈڭنى چاغلا، بېلىڭنى باغلا(ماقال).[يەشمىسى:] ② ھېسابلىماق، سانىماق، بىلمەك، تونۇماق، كۆرمەك:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، بارغانسېرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى.

چاغلىماقⅡ

  • چاغلىماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] زىرائەتلەرنىڭ تۈپ ئارىلىقىدىكى ئوتلارنى ئوتاپ، تۈۋىنى چانىماق، يۇمشاتماق:[مىسال:] قوناق چاغلىماق. كېۋەز چاغلىماق.

چاغىرچاي

  • چاغىرچاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىقات ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.30 60 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ، مېۋىسى غۇنچە شەكىللىك، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، قان توختىتىپ گۆش ئۆستۈرۈش، ئاشقازاننى ياخشىلاپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ھەيز تەڭشەش رولىغا ئىگە.

چاقⅠ

  • چاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشى، ئۇرۇلۇشى، سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.

چاقⅡ

  • چاقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قاتناش قوراللىرى، ھەر خىل ئەسۋابلار ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ ئايلىنىدىغان دۈگىلەك قىسمى:[مىسال:] تۈگمەن چاقى. چىشلىق چاق.[يەشمىسى:] ② قاناتلىق چاق ئارقىلىق يىكنى ئايلاندۇرۇپ يىپ ئېگىرىدىغان تانابلىق ئېگىرىش ئەسۋابى:[مىسال:] چاق ئېگىرمەك.[يەشمىسى:] ③ كېسىدىغان ئەسۋابلارنىڭ تىغىنى ئىتتىكلىتىدىغان، ئۆتكۈر قىلىدىغان قۇم باغلانغان، ئايلىنىدىغان غالتەك:[مىسال:] چاققا تۇتماق. چاققا سالماق.

چاقاⅠ

  • چاقاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئومۇمەن مىسكە ئوخشاش مېتاللاردىن ياسىلىدىغان پارچە پۇل؛ تىيىن.[يەشمىسى:] ② ئاز مىقداردىكى ئاقچا، پۇل، مەبلەغ:[مىسال:] كارۋانغا تاقا لازىم، سودىگەرگە چاقا(ماقال).

چاقاⅡ

  • چاقاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىدە ھاسىل بولغان كىچىك يارا؛ جاراھەت.

چاقاⅢ

  • چاقاⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈزۈم ئېسىپ قۇرۇتۇش ئۈچۈن چۈنجىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ياغاچ قۇرۇلما. ئۇنىڭ غول قىسمىدىكى تۆشۈكچىلەردىن چاپراس قىلىپ-چەمەك ئۆتكۈزۈلىدۇ.

چاقپەلەك

  • چاقپەلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۇ ۋە شامال كۈچى بىلەن ئايلىنىپ، ماشىنىلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان قاناتلىق چاق.[يەشمىسى:] ② ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، گورىزونتال ئوق ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان قاناتلىق غالتەكسىمان قۇرۇلما.

چاقپەلەكلىك

  • چاقپەلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاق پەلىكى بار، چاقپەلەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

چاقتۇرماق

  • چاقتۇرماق[يەشمىسى:] «چاقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاقچاق

  • چاقچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش، كۆڭلىنى ئېچىش مەقسىتىدە قىلىنغان قىزىق گەپ-سۆز، ھەرىكەت:[مىسال:] چاقچاق قىلماق.[يەشمىسى:] ② كۆڭۈل ياساپ ۋە قىزىقچىلىق قىلىپ يالغاندىن ئېيتىلغان گەپ ياكى ھەرىكەت، ھەزىل.

چاقچاقچى

  • چاقچاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، چاقچاق قىلىشقا ئامراق، چاقچاق قىلىشقا ئۇستا كىشى؛ ھەزىلكەش.

چاقچاقسىز

  • چاقچاقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاقچىقى يوق، چاقچاق ئارىلاشمىغان.

چاقچاقلاشماق

  • چاقچاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاقچاق قىلىشماق؛ قىزىق، كۈلكىلىك پاراڭلارنى سېلىشىپ ئويناشماق:[مىسال:] ئالماس دراما ھەۋەسكارلىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ، بىرئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلاشتى.

چاقچاقلىق

  • چاقچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاقچاق ئىپادىلەنگەن، چاقچاق ئارىلاشقان:[مىسال:] شوخ، چاقچاقلىق، چاققان مىللىي ئۇسسۇل ئىجرا قىلىندى.

چاقچۇق

  • چاقچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پارقىراق سىر بېرىلگەن ساپال، فارفور:[مىسال:] چاقچۇق بۇيۇم.

چاقچى

  • چاقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چاق ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② كېسىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى چاقلايدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ③ چاق بىلەن يىپ ئېگىرىدىغان كىشى(ئايال).

چاقچىقىز

  • چاقچىقىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چاقچى+قىز[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. سېرىق قوڭۇر ياكى يېشىل، بېشى كىچىك، سەكرەشكە ماھىر، ئوت-چۆپ ئارىسىدا ياشايدۇ.

چاقچىلىق

  • چاقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاق ياساش، تىغلىق ئەسۋابلارنى چاقلاش ۋە يىپ ئېگىرىش كەسپى.

چاقچىلىقاي

  • چاقچىلىقاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالدىراش، پاتىپاراق:[مىسال:] چاقچىلىقاي كۈنلەر. چاقچىلىقاي ئادەم. ∥ئاتنى مىندىم ئېگەرسىز، باشى-كۆزى يۈگەنسىز. چىرايلىق مېنىڭ يارىم، چاقچىلىقايدا كېپقايسىز.

چاقچىلىقايچىلىق

  • چاقچىلىقايچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدىراش، پاتىپاراق ھالەت:[مىسال:] بۇ چاقچىلىقايچىلىق، نەغمە-ناۋالار خالىقنىڭ مەيلىنى تارتالمىدى.

چاقچىلىقايلىق

  • چاقچىلىقايلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدىراشلىق، پاتىپاراقلىق:[مىسال:] پوكەيلەر چاقچىلىقايلىق بولۇپ كەتتى.

چاقسا

  • چاقسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچتىن ياسالغان شادىلىق توسما تام.

چاققاق

  • چاققاق [يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېقىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، دائىم چاقىدىغان:[مىسال:] چاققاق ھەرە. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاققاقئوت.

چاققاقئوت

  • چاققاقئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چاققاق+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاققاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. قوۋزاق تالاسىنى توقۇمىچىلىققا خام ئەشيا قىلىشقا بولىدۇ.

چاققاقلىق

  • چاققاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېقىش ئادىتى، چېقىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش.

چاققان

  • چاققان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكەتتە تېتىك، ھەرىكەتچان، چەبدەس:[مىسال:] چاققان يىگىت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] چاپسان، تېز، ئىلدام:[مىسال:] چاققان كەلمەك. قولى گال ئۇستىدىن، ئايىغى چاققان گاداي ياخشى(ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پايدىلىنىشقا قولاي، ئىخچام، ئەپچىل:[مىسال:] چاققان ئۆي، چاققان ئات.

چاققانلاشتۇرماق

  • چاققانلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «چاققانلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاققانلاشماق

  • چاققانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاققان، تېتىك ھالەتكە كەلمەك؛ چاپسانلاشماق، ئىلداملاشماق، تېزلەشمەك:[مىسال:] ئۇ بارغانچە چاققانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

چاققانلىق

  • چاققانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاققان ئىش-ھەرىكەت:[مىسال:] چاققانلىق قىلماق.

چاقلاتماق

  • چاقلاتماق[يەشمىسى:] «چاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاقلاشماقⅠ

  • چاقلاشماقⅠ[يەشمىسى:] «چاقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاقلاشماقⅡ

  • چاقلاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەركەك ئىت بىلەن قانجۇق جۈپلىشىپ قالماق.

چاقلانماق

  • چاقلانماق[يەشمىسى:] «چاقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پىچاق چاقلاندى.

چاقلىق

  • چاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاقى بار، چاق ئورنىتىلغان، چاق بېكىتىلگەن:[مىسال:] ئىككى چاقلىق ھارۋا. چاقلىق ماشىنا.

چاقلىماق

  • چاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ بىسىنى چاققا تۇتۇپ ئۆتكۈر قىلماق، چاققا يېگۈزمەك، ئىتتەرتمەك:[مىسال:] پىچاق چاقلىماق.

چاقماⅠ

  • چاقماⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېقىلىدىغان، چېقىلغان:[مىسال:] چاقما كاۋا.

چاقماⅡ

  • چاقماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇن چايقاش ئۈچۈن، دەريا يېنىدىكى تەگلىك يەرگە ھەر خىل ئۇزۇنلۇقتا، يېرىم مېتىر كەڭلىكتە تاش بىلەن ياسالغان كۆلچەك.

چاقماقⅠ

  • چاقماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بۇلۇت بىلەن بۇلۇت ياكى بۇلۇت بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان زەرەتسىزلىنىش ھادىسىسى؛ يانغىن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇچقۇن، ئوت:[مىسال:] ئىنتىقام چاقمىقى. غەزەپ چاقمىقى.

چاقماقⅡ

  • چاقماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىچىك ۋە ئەپلىك بولغان بىر خىل ئوت ياندۇرۇش ئەسۋابى. ئۇ يىقىلغۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سۇيۇقلۇق چاقمىقى ۋە گاز چاقماق؛ ئوت ياندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تاشلىق چاقماق ۋە ئېلېكترونلۇق چاقماق دېگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ:[مىسال:] چاقماق تېشى. چاقماق ياندۇرماق.

چاقماقⅢ

  • چاقماقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېتىش قوراللىرىنىڭ مىشەككە تېگىپ ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىسمى؛ تەپكە:[مىسال:] مىلتىقنىڭ چاقمىقى.

چاقماقⅣ

  • چاقماقⅣ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تۆت بۇرجەك، كۋادرات شەكىلدىكى، چاسا شەكىللىك:[مىسال:] چاقماق قەنت.

چاقماقⅤ

  • چاقماقⅤ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاتتىق نەرسىلەرنى سۇندۇرۇپ ئوششاقلىماق؛ پارچىلىماق، ئۇشتۇماق، سۇندۇرماق:[مىسال:] تاش چاقماق. ياڭاق چاقماق.[يەشمىسى:] ② ئۇرۇپ، سۇندۇرۇپ بۇزماق، پاچاقلىماق:[مىسال:] دەرۋازىنى چاقماق. قۇلۇپنى چاقماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مالنىڭ قىممىتىنى بەلگىلىك بىرلىككە سۇندۇرماق، سېلىشتۇرماق:[مىسال:] مالغا چاقساق ئون تەڭگىدىن قوي ئالسا، 160 نەچچە قويكېلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ چىشلەپ ياكى نەشتىرىنى سانجىپ ئاغرىتماق، زەھەر سالماق، زەھەرلىمەك (يىلان، چايان، ھەرە قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] پاشا چاقماق. سېرىقئېشەك چاقماق.  ھەرىنىڭ چاققىنىغا چىدىغان ئادەم ھەسەل يەيدۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ ئۆز تەسىرىگە ئالماق، تەسىر كۆرسەتمەك:[مىسال:] كېسەل چاقماق. ئاپتاپ چاقماق.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا بىراۋنىڭ يامان گېپىنى قىلماق؛ چېقىمچىلىق قىلماق:[مىسال:] بىراۋغا بىراۋنى چېقىش ياخشى ئادەت ئەمەس.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ئۇرۇۋالماق، سوقۇۋالماق (گەپ بىلەن):[مىسال:] گەپتە چاقماق.[يەشمىسى:] ⑧ بىر-بىرىگە ئۇرۇپ، سۈركەپ ئوت چىقارماق، ياندۇرماق، ياقماق:[مىسال:] چېقىن چاقماق. سەرەڭگە چاقماق.[يەشمىسى:] ⑨ قاماشتۇرماق، خىرەلەشتۈرمەك (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] كۆزنى چاقماق.

چاقماقتەك

  • چاقماقتەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چاپسان، تېز:[مىسال:] چاقماقتەك سۆزلىمەك.[يەشمىسى:] ② چەپدەس، چاققان:[مىسال:] چاقماقتەك قىز.

چاقماقلىقⅠ

  • چاقماقلىقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاقماق چاققان، چاقماق چېقىۋاتقان:[مىسال:] ئۇ ھېلىقى چاقماقلىق كېچىدىكى ۋەقەنى ئۇنتۇمايتتى.

چاقماقلىقⅡ

  • چاقماقلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاقمىقى بار، چاقماق بېكىتىلگەن:[مىسال:] چاقماقلىق مىلتىق.

چاقماقلىقⅢ

  • چاقماقلىقⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاقمىقى بار، چاقماق شەكلىدە ئىشلەنگەن:[مىسال:] چاقماقلىق باش ياغلىقى.

چاقناتماق

  • چاقناتماق[يەشمىسى:] «چاقنىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كۆزنى چاقناتماق.

چاقناشماق

  • چاقناشماق[يەشمىسى:] «چاقنىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاقنىماق

  • چاقنىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نۇر چاچماق، ۋال-ۋۇل قىلماق، يالتىرىماق، پارقىرىماق، ۋالىلدىماق:[مىسال:] كۈن نۇرىدا يېشىل تۈسكە كىرگەن دالىلار مەرۋايىتتەك چاقنايتتى.

چاقۇ

  • چاقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] چېقىش ئىشى، چېقىمچىلىق:[مىسال:] ئۇ نادەمگە قاراپ:[مىسال:] ناسىر ئاخۇن ئاكامنىڭ ئۆلۈمى باجگىرنى بىر كاچات ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەختەمبايلارنىڭ چاقۇسىمۇ بار، دېدى.

چاقىرتماق

  • چاقىرتماق[يەشمىسى:] «چاقىرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتۈپ، مۇھەممەت ئىمىن ئابىدەمنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى.

چاقىر-چۇقۇر

  • چاقىر-چۇقۇر[يەشمىسى:] «چاقىر» قىلغان ۋە شۇ خىلدىكى ئاۋازلار.

چاقىرماق

  • چاقىرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاۋاز چىقىرىپ خەۋەردار قىلماق، قىچقارماق:[مىسال:] دوستىنى چاقىرماق.[يەشمىسى:] ② تەكلىپ قىلماق، چىللىماق:[مىسال:] مېھمانغا چاقىرماق. * چاقىرغان يەردىن قالما، چاقىرمىغان يەرگە بارما (ماقال).[يەشمىسى:] ③ دالالەت قىلماق، دەۋەت قىلماق، سەپەرۋەر قىلماق، ئۈندىمەك:[مىسال:] كۈرەشكە چاقىرماق. چېلىشقا چاقىرماق.[يەشمىسى:] ④ ئۇيۇشتۇرماق، ئاچماق:[مىسال:] كېڭەش چاقىرماق. يىغىن چاقىرماق.

چاقىرىشماق

  • چاقىرىشماق[يەشمىسى:] «چاقىرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] پەستىكى ئادەملەر قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ بىزنى چاقىرىشتى.

چاقىرىق

  • چاقىرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇراجىئەت؛ تەشەببۇس:[مىسال:] پارتىيىنىڭ بۇ چاقىرىقى 1964-يىلى چىقىرىلغان، دېدى سابىر.[يەشمىسى:] ② ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇش:[مىسال:] ئۇنىڭغا مەكتەپتىن چاقىرىق كەپتۇ.

چاقىرىقنامە

  • چاقىرىقنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر يىغىن، توي، ئولتۇرۇش، مېھماندارچىلىق قاتارلىقلارغا چىللاپ يېزىلغان خەت؛ چاقىرىق قەغىزى، تەكلىپنامە:[مىسال:] چاقىرىقنامە ئەۋەتمەك.

چاقىرىلماق

  • چاقىرىلماق[يەشمىسى:] «چاقىرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ جىددىي مەجلىسكە سايىتمۇ ئەلۋەتتە چاقىرىلغانىدى.

چاقىرىم

  • چاقىرىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېتىر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنغانغا قەدەر قوللىنىلغان يەرلىك ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر چاقىرىم ئۇزۇنلۇق ئادەتتە 06.1 كىلومېتىرغا تەك كېلىدۇ.

چاقىماق

  • چاقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] زېرىكمەك، [يەشمىسى:] تويماق، ۋاز كەچمەك.

چاكⅠ

  • چاكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئاراچ؛ يېرىق، دەز:[مىسال:] چاك كەتمەك.[يەشمىسى:] ② پىچىلغان كىيىمنىڭ تىكىلىدىغان جايى؛ تىكىچ ئورنى، قىرغىقى:[مىسال:] چاك تىكمەك. چاك باستۇرماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىلىنغان ياكى قىلىنىۋاتقان ئىشتىن كۆرۈلگەن نۇقسان؛ كەمچىلىك، مەسىلە:[مىسال:] ئىشنى قىلساڭ پۇختا قىل، چاك چىقمىسۇن. ئىبادەتنى ئىچىڭدە بىل، كىشى ئۇقمىسۇن.

چاك باسماق

  • چاك باسماق[يەشمىسى:] ① يوچۇق بىر-بىرىگە ھىم كەلمەك؛ قىرغاقلىرى بىر-بىرىگە ھىم كىرىشمەك:[مىسال:] مىخلانغان تاختىلار بىر-بىرىگە چاك باسمىدى.[يەشمىسى:] ② بىر-بىرىگە قولاشماق، ماسلاشماق، كېلىشمەك(گەپ سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ما گېپىڭ چاك باستى، دېدى ئەختەم.

چاكⅡ

  • چاكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تىلنىڭ تاماققا تېگىپ تېز ئاجرىشى ۋە ئېغىزنىڭ تەمشىشىدىن چىققان ئاۋاز.

چاكار

  • چاكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] مالاي، خىزمەتكار:[مىسال:] چاكار بولماق. خەلقنىڭ چاكىرى.

چاكارچىلىق

  • چاكارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاكارلىق تۇرمۇش، چاكار بولۇپ ياشاش.

چاكار-چۇكار

  • چاكار-چۇكار [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] چوڭ-كىچىك چاكارلار، خىزمەتكارلار:[مىسال:] پادىشاھ چوڭىنىڭ توقىچىنى چاكار-چۇكارلارغا بېرىپ، ئوتتۇرانچىسىنىڭ توقىچىنى ساراي ئىتلىرىغا تاشلاپ بېرىپتۇ.

چاكارلىق

  • چاكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چاكار قىلىدىغان ئىش.[يەشمىسى:] ② چاكارلارغا خاس خاراكتېر ۋە خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ بوستان چاچلىرى نېمىدېگەن چىرايلىق دېدى بەھدى رەئىس چاكارلىق قىياپىتى بىلەن.

چاكاندا

  • چاكاندا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاكاندا ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان ئۇششاق چاتقال. غولى ئېفېدرىن ئېلىشنىڭ خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. چاكاندىنىڭ شىنجاڭدا توققۇز خىل تۈرى بار، ھەممىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

چاكاندىلىق

  • چاكاندىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاكاندا بار، چاكاندا ئۆسكەن يەر:[مىسال:] قاسىمنىڭ كەتمىنى چاكاندىلىقتا ئۇنتۇلۇپ قالغانىدى.

چاك-پارە

  • چاك-پارە[يەشمىسى:] تىلىم-تىلىم، تىتما-تىتما، پارە-پارە:[مىسال:] مۇھەببەت دەستىدە يىغلاپ ئەجەب ئاۋارەدۇر كۆڭلۈم. يېتەلمەي يار ۋەسلىگە تۈمەن چاك-پارەدۇر كۆڭلۈم.

چاك-چاك

  • چاك-چاك[يەشمىسى:] «چاكⅡ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

چاكسا

  • چاكسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرجىڭ ئېغىرلىققا تەڭ ئۆلچەم بىرلىكى.

چاككىدە

  • چاككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چاك» قىلغان ھالدا، «چاك» قىلىپ.

چاكىلداتماق

  • چاكىلداتماق[يەشمىسى:] «چاكىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تىلىنى چاكىلداتماق.

چاكىلداشماق

  • چاكىلداشماق[يەشمىسى:] «چاكىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاكىلدىماق

  • چاكىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەمشىپ ئېغىزدىن «چاك-چاك» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئەپەندىم ئۇسسۇزلۇقتىن تاماقلىرى چاكىلداپ كېلىۋاتسا، يولدا بىر بولاق ئۇچراپتۇ.

چاكىمۇخ

  • چاكىمۇخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] رويان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، تېبابەتتە قاننى جانلاندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، قىچىشىشنى بېسىش رولىغا ئىگە.

چاكىنا

  • چاكىنا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تېتىقسىز، ئەرزىمەس:[مىسال:] چاكىنا ئىش. چاكىنا ئادەم. چاكىنا گەپ.

چاكىنا-چۈكۈنە

  • چاكىنا-چۈكۈنە[يەشمىسى:] ئەھمىيەتسىز، ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان، ئۇششاق-چۈششەك:[مىسال:] باشلىق بولغان ئادەم چاكىنا-چۈكۈنە ئىشلارغا ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ.

چاكىنىلاشتۇرماق

  • چاكىنىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «چاكىنىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاكىنىلاشتۇرۇشماق

  • چاكىنىلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «چاكىنىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاكىنىلاشتۇرۇلماق

  • چاكىنىلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «چاكىنىلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاكىنىلاشماق

  • چاكىنىلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەرزىمەس، چاكىنا ھالەتكە كېلىپ قالماق. تېتىقسىزلاشماق:[مىسال:] ئۇ بىردىنلا خان ئالدىدا ئۆزىنىڭ چاكىنىلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.

چاكىنىلىق

  • چاكىنىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاكىنا ئىش، قىلىق؛ تېتىقسىزلىق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھەشەمەتلىك قىياپەتلىرى ئاستىغا يوشۇرۇلغان پەسكەشلىكلىرى، چاكىنىلىقلىرى ئەلگە ئايان.

چاڭⅠ

  • چاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنىڭ يەنە بىرنەرسىگە قاتتىق تېگىشىدىن چىققان قاتتىق ئاۋاز.

چاڭⅡ

  • چاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نەرسىلەر ئۈستىگە يېپىشىۋالغان ياكى ھاۋاغا ئارىلىشىپ، ئۇچۇپ يۈرىدىغان يۇمشاق توپا ياكى شۇ خىل توپا ھالىتىدىكى ئۇششاق زەرىچىلەر؛ توزان:[مىسال:] چاڭ باسماق. چاڭ توزىماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلنىڭ چاڭدېنىدىكى تالقانسىمان دانىچىلەر. كۆپچىلىكىنىڭ رەڭگى سېرىق، بەزىلىرىنىڭ يېشىل ياكى قارا كېلىدۇ، ھەربىر دانىچىسىنىڭ ئىچىدە بىردىن جىنسىي ھۈجەيرە بولىدۇ.

چاڭⅢ

  • چاڭⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پەنجە؛ چاڭگال، قول:[مىسال:] چاڭ سالماق.

چاڭⅣ

  • چاڭⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شەكلى ساندۇققا ئوخشايدىغان، ئۈستىگە نۇرغۇن سىم تارلار تارتىلغان، ئىككى تال چوكا بىلەن ئۇرۇپ چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى.

چاڭⅤ

  • چاڭⅤ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئاشلىغان تېرىنى قىرىش-ئەيلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئالدى قىڭراققا ئوخشاش، تىغىنىڭ ئارقىسىغا ھىلال ئاي شەكلىدە ياغاچتىن مەيدە تىرىكى ئورنىتىلغان سايمان.

چاڭ Ⅵ

  • چاڭ Ⅵ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزدىكى بىر قەدىمىي مىللەت. ئەسلىدە چىڭخەيگە مەركەزلىشىپ، جەنۇبتا سىچۈەن، غەربىي شىمالدا شىنجاڭغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشقان. شىمالىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گەنسۇغا كۆچكەن. شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىگە (مىلادىيە384 417-يىللار) كەلگەندە جىن دۆلىتىنى قۇرغان.

چاڭپوزا

  • چاڭپوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئوڭ ياندىن تۈگىمىلىنىدىغان، ئىككى تەرەپتە چېكى بار ئۇزۇن چاپان.

چاڭ-توپا

  • چاڭ-توپا[يەشمىسى:] چاڭ ۋە توپا؛ چاڭ-توزان:[مىسال:] چاڭ-توپا ئىچىدە قالماق.

چاڭ-توزان

  • چاڭ-توزان[يەشمىسى:] ئۇچۇپ يۈرگەن ئۇۋاق توپا توزۇندىلىرى، چاڭ-توپا:[مىسال:] چاڭ-توزان باسماق.

چاڭ-تۇمان

  • چاڭ-تۇمان[يەشمىسى:] توپا توزۇندىلىرى ۋە ئىس-تۈتەك:[مىسال:] چاڭ-تۇمان باسماق.

چاڭ-چاڭ

  • چاڭ-چاڭ[يەشمىسى:] ① «چاڭⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.[يەشمىسى:] ② يېقىملىق ۋە ياڭراق:[مىسال:] بۇلبۇلنىڭ چاڭ-چاڭ سايراشلىرى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلماقتا ئىدى.

چاڭ-چۇڭ

  • چاڭ-چۇڭ[يەشمىسى:] «چاڭ» قىلغان ۋە ياكى شۇ خىلدىكى ئاۋازلار:[مىسال:] ئەسقەر ئاچچىقىغا پايلىماي، خوتۇنىنى چاڭ-چۇڭ ئىككىنى ئۇرۇۋەتتى.

چاڭچى

  • چاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاڭ چالىدىغان ئادەم، سازەندە.

چاڭچىلە

  • چاڭچىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تىياتىرى. ئۇ بېجىڭ تىياتىرى ۋە ھەر خىل يەرلىك ئويۇن تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋەقەلىك ناخشا ۋە ئۇسسۇل ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

چاڭچىلىچى

  • چاڭچىلىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «چاڭچىلىكەش»كە قاراڭ.

چاڭچىلىكەش

  • چاڭچىلىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىياتىر<[يەشمىسى:] چاڭچىلە ئارتىسى.

چاڭدان

  • چاڭدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەر ئاتىلىقىنىڭ يۇقىرى قىسمى. گۈل يىپىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، خالتىسىمان بولۇپ، ئىچىدە گۈل چېڭى بولىدۇ.

چاڭغا

  • چاڭغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] قار تېيىلغاندا، ئاياغقا مەھكەم بېكىتىلىدىغان بىر جۈپ تار ھەم ياپىلاق، ئۇزۇن ياغاچ، ئۇچ تەرىپى سەل كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ:[مىسال:] چاڭغا تېيىلماق.

چاڭغىچى

  • چاڭغىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاڭغا بىلەن تېيلىغۇچى، چاڭغا تەنھەرىكەتچىسى.

چاڭغىراق

  • چاڭغىراق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىگىز ئۆينىڭ ئۈستكى قىسمىدىكى تۈڭلۈك چەمبىرىكى.

چاڭقاتماق

  • چاڭقاتماق[يەشمىسى:] «چاڭقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاڭقاشماق

  • چاڭقاشماق[يەشمىسى:] «چاڭقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاڭقاغا

  • چاڭقاغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] توڭقاغا.

چاڭقاق

  • چاڭقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇغا تەشنا، چاڭقىغان؛ قاغجىرىغان، سۇسىرىغان:[مىسال:] چاڭقاق ئادەم. چاڭقاق يەر.

چاڭقاقلىق

  • چاڭقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاڭقاق، چاڭقىغان ھالەت:[مىسال:] ئەمدى چاڭقاقلىق بالاسى دىلنى چاك-چاك ئەيلىمەس، ئاينىغاي كۆكلەپ زىرائەت، بولمىغاي نابۇت-خاراب.

چاڭقۇرۇن

  • چاڭقۇرۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالدىراشچىلىق، بېسىق.

چاڭقىماق

  • چاڭقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇغا تەشنا بولماق، قاغجىرىماق، سۇسىرىماق؛ ئۇسسىماق:[مىسال:] ئۇلار داۋان ئېشىپ تاغ كېزىپتۇ. دەريا كېچىپ چۆل بېسىپتۇ. گاھى سۇغا قېنىپ، گاھى چاڭقاپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاتتىق تەلمۈرمەك، تەشنا بولماق، ئىنتىزار بولماق، سېغىنماق:[مىسال:] ئەلەمدىن چاڭقىغان دىلنى، زامانەم قاندۇرار بولدى.

چاڭگا

  • چاڭگا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچار قۇشلارنىڭ دەل-دەرەخلەر ۋە تام تۆشۈكى قاتارلىق جايلارغا ياسىغان تۇرار جايى؛ ئۇۋا:[مىسال:] چاڭگا تىزماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆي-جاي، ئائىلە، ماكان:[مىسال:] سەن قاراپ تۇرۇپ بىر بىچارىنىڭ ئاران تىزغان چاڭگىسىنى بۇزماقچىمۇ سەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەرتىپسىز ئۆسكەن، پاخپىيىپ كەتكەن:[مىسال:] ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە، چاڭگا باش ئاناڭ بىلەن قال(ماقال).

چاڭگاق

  • چاڭگاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە يېپىشقان، كىرىشكەن، چىگىشلەشكەن، غۇژمەك:[مىسال:] چاڭگاق ئۈزۈم.

چاڭگاق-چاڭگاق

  • چاڭگاق-چاڭگاق[يەشمىسى:] ساپاق-ساپاق، غۇژمەك-غۇژمەك:[مىسال:] سېرىق سايۋىلار چاڭگاق-چاڭگاق ساڭگىلىشىپ تۇراتتى.

چاڭگاك

  • چاڭگاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆپ تىللىق قارماق:[مىسال:] لوخۇ بېلىق چاڭگاكقا ئىلىنمىدى.[يەشمىسى:] ② ئېكەكلىنىدىغان، ھەرىلىنىدىغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ تۇرىدىغان قىسقۇچسىمان سەندەل.

چاڭگال

  • چاڭگال[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەنجە، چاڭ:[مىسال:] چاڭگال سالماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زۇلۇم، ئاسارەت، تۇتقۇنلۇق، نەزەربەند، رىجىم؛ ئىسكەنجە:[مىسال:] گۇناھسىز بىر ياشنى ناھەقچىلىك چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاز-تولا تەلۋىلىك قىلسا نېمە بوپتۇ[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن قوشۇلۇپ، چاڭگاللىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر چاڭگال كەمپۈت.

چاڭگاللاتماق

  • چاڭگاللاتماق[يەشمىسى:] «چاڭگاللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاڭگاللاشماق

  • چاڭگاللاشماق[يەشمىسى:] «چاڭگاللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاڭگاللانماق

  • چاڭگاللانماق[يەشمىسى:] «چاڭگاللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاڭگاللىماق

  • چاڭگاللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاڭگال بىلەن تۇتماق، قاماللىماق:[مىسال:] ئۇ ئىككى قولى بىلەن مەيدىسىنى چاڭگاللىدى.

چاڭگىسىمان

  • چاڭگىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاڭگىغا ئوخشايدىغان، چاڭگا شەكىللىك:[مىسال:] چاڭگىسىمان كەپە.

چاڭڭىدە

  • چاڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چاڭ» قىلغان ھالدا، «چاڭ» قىلىپ:[مىسال:] ئۇ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، چاڭڭىدە يەنە بىر كاچات تېگىپتۇ.

چاڭلاشتۇرماقⅠ

  • چاڭلاشتۇرماقⅠ[يەشمىسى:] «چاڭلاشماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بالام ئۆينى چاڭلاشتۇررۋەتتىڭ، بىردەم چىقىپ تۇرساڭچۇ

چاڭلاشتۇرماقⅡ

  • چاڭلاشتۇرماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاتىلىقىدىكى گۈل چاڭلىرىنى شامال ياكى ھاشاراتلار ۋاستىسى بىلەن ئانىلىق ئېغىزىغا ياكى بىۋاسىتە تۆرەلمە تۈگۈنىگە قوندۇرماق.

چاڭلاشتۇرۇلماق

  • چاڭلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «چاڭلاشتۇرماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاڭلاشماقⅠ

  • چاڭلاشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاڭ توزۇغان ھالەتكە كەلمەك، چاڭ توزۇماق:[مىسال:] ئۆي چاڭلىشىپ كەتتى.

چاڭلاشماقⅡ

  • چاڭلاشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەردىكى ئاتىلىق گۈل چاڭلىرى ئانىلىق ئېغىزىغا قونماق.

چاڭلىغۇچ

  • چاڭلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆسۈملۈكلەرگە زىيانداش ھاشاراتلاردىن ساقلىنىش دورىسىنى پۈركىيدىغان ئەسۋاپ.[يەشمىسى:] ② ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگۈچى ۋاسىتە (ھاشارات، شامال قاتارلىقلار).

چاڭىلداتماق

  • چاڭىلداتماق[يەشمىسى:] «چاڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چاڭىلدىتىپ ئۇرماق.

چاڭىلداشماق

  • چاڭىلداشماق[يەشمىسى:] «چاڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاڭىلداق

  • چاڭىلداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاڭىلداپ، جاراڭلاپ چىقىدىغان، ياڭراق:[مىسال:] چاڭىلداق ئاۋاز.

چاڭىلدىماق

  • چاڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چاڭ-چاڭ» قىلغان كۈچلۈك ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] گەپنىڭ تېگىنى چۈشەنگەن گۈلنار چاڭىلداپ سۆزلەپ كەتتى.

چال

  • چال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياشانغان ئەركىشى؛ بوۋاي، مويسىپىت:[مىسال:] چالنى كۆرۈپ، بوۋا دېمە (ماقال).

چالا

  • چالا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاياغلاشتۇرۇلمىغان. پۈتكۈزۈلمىگەن، تاماملانمىغان؛ تولۇق ئەمەس، يېرىم-يارتا:[مىسال:] چالا ساۋات. چالا موللا. چالا ئۈلۈك. * بالا قىلغان ئىشى چالا (ماقال).

چالا-بۇلا

  • چالا-بۇلا[يەشمىسى:] تولۇق ئەمەس، يېرىم-يارتا:[مىسال:] چالا-بۇلا ئىش قىلماق.

چالا-پۇچۇق

  • چالا-پۇچۇق[يەشمىسى:] «چالا-بۇلا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ھاشىم بىلەن چالا-پۇچۇق سالاملىشىپلا كېتىپ قالدى.

چالپاق

  • چالپاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تام سۇۋىقىنىڭ قۇرۇغاندا تۇتماي، سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن قىسمى.

چالتاي-پالتاي

  • چالتاي-پالتاي[يەشمىسى:] ئۇنداق-مۇنداق، پالان-پۇستان:[مىسال:] چالتاي-پالتاينى قويۇپ، راست گەپنى دە

چالدۇرماق

  • چالدۇرماق[يەشمىسى:] «چالماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ساز چالدۇرماق.

چالغا

  • چالغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ ئورۇش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان، ئۇزۇن دەستىلىك، ئورغاققا ئوخشايدىغان قورال.

چالغۇ

  • چالغۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇزىكا ئەسۋابى؛ ساز:[مىسال:] ئۇيغۇرخەلق چالغۇلىرى. ∥ئۇنىڭ ئۆيى خىلمۇخىل چالغۇ ئەسۋابلار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى.

چالغۇت

  • چالغۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاشتېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان قاتتىق تاش قاتلىمى.

چالغۇچى

  • چالغۇچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سازەندە؛ سازچى، مۇزىكانت:[مىسال:] ئوغلۇم ئۇد سازىنىڭ ماھىر چالغۇچىسى ئىدى.

چالغىتماق

  • چالغىتماق[يەشمىسى:] ① چالغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇنى چالغىتماق.[يەشمىسى:] ② ئىلشتۇرماق؛ بۇرۇماق، قاچۇرماق:[مىسال:] كەينى-كەينىدىن كېلىۋەرگەن پېشكەللىك، ئۇ كەيپىنى چالغىتىپ، مېڭىسىدىن ئەقىل ئىدراكىنى قوغلاپ چىقارماقتا ئىدى.

چالغىتىشماق

  • چالغىتىشماق[يەشمىسى:] «چالغىتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چالغىتىلماق

  • چالغىتىلماق[يەشمىسى:] «چالغىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چالغىچى

  • چالغىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چالغا بىلەن ئوت ۋە ئورما ئورىدىغان ئادەم.

چالغىماق

  • چالغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ تەسىرىدىن ئۆز ھالىتى بۇزۇلماق، بۆلۈنمەك؛ داۋالغۇماق، چايقالماق:[مىسال:] سۇ چالغىماق.

چاللىق

  • چاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېرىلىق، مويسىپىتلىك.

چالما

  • چالما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەركىبىگە سۇ ئارىلاشقاندىن كېيىن قاتقان توپا، داڭگال، كېسەك:[مىسال:] بىرى چالما دېگەننى يەنە بىر ئالما دەر (ماقال).

چالمىسى سۇغا چىلاشماق

  • چالمىسى سۇغا چىلاشماق[يەشمىسى:] ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي قالماق، ئۈمىدى، غەرىزى يوققا چىقماق، ئوسال ئەھۋالدا قالماق.

چالماقⅠ

  • چالماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئۇرۇپ، چېكىپ، بېسىپ پۈۋلەپ، سۈركەپ ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ساز چالماق. دۇتار چالماق.[يەشمىسى:] ② چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن مەلۇم ئاھاڭ ياكى رېتىمگە ئىگە كۈي ھاسىل قىلماق:[مىسال:] قېنى يىگىتلەر باش پەدىگە چالايلى.

چالماقⅡ

  • چالماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى باشقا بىرەر نەرسىگە قوشماق، بىرلەشتۈرمەك، ئارىلاشتۇرماق، قوچۇماق:[مىسال:] تۇخۇم چالماق.

چالما-كېسەك

  • چالما-كېسەك[يەشمىسى:] چالما ۋە كېسەك.

چالما-كېسەك قىلماق

  • چالما-كېسەك قىلماق[يەشمىسى:] قەدىمكى جازا ئۇسۇلى بويىچە جىنايەتچىلەرنى چالما-كېسەك بىلەن ئۇرۇپ ئازابلىماق:[مىسال:] بۇ باش جىنايەتچى، ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش كېرەك.

چالمىلىق

  • چالمىلىق[مىسال:] [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چالمىسى بار، چالمىسى كۆپ:[مىسال:] ئەترەت باشلىقى ئەزالارنى باشلاپ، چالمىلىق ئېتىزنىڭ چالمىلىرىنى تەرگۈزدى.

چالۋاقاتماق

  • چالۋاقاتماق[يەشمىسى:] «چالۋاقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چالۋاقاشماق

  • چالۋاقاشماق[يەشمىسى:] «چالۋاقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چالۋاقىماق

  • چالۋاقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر سەۋەبدىن باشقىلارغا چېچىلماق، پوزىتسىيە ئۆزگەرتمەك؛ ئاچچىقلانماق، خاپا بولۇپ سۆزلىمەك:[مىسال:] نېمىگە چالۋاقايسىز دېدى ئاسىم ئاچچىقلىنىپ.

چالىلىق

  • چالىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولۇقسىزلىق، يېرىم-يارتىلىق.

چام

  • چام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان شەرت-شارائىت، كۈچ-قۇۋۋەت، مادار، ئىمكانىيەت:[مىسال:] چامى يەتمەك.[يەشمىسى:] ② كىشى بېشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن ئۇرۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپە:[مىسال:] چام سالماق.

چاما

  • چاما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۆلچەر، تەخمىن، قىياس:[مىسال:] چامامدا سائەت ئىككى بولغان چېغى.

چامادان

  • چامادان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كىيىم-كېچەك سالىدىغان، كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك ياسالغان ساندۇق.

چامادانلىق

  • چامادانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چامادانى بار، چامادان كۆتۈرگەن.

چامباش

  • چامباش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پۇت-قول ماھارىتى ۋە قورال ئىشلىتىش تېخنىكىسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمىي تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى.

چامباشچى

  • چامباشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چامباش ھۈنىرىگە ماھىر، چامباش ئۇستىسى.

چامباشچىلىق

  • چامباشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چامباشچىلار قىلىدىغان ئىش، كەسىپ:[مىسال:] چامباشچىلىق قىلماق.

چامبۇل

  • چامبۇل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر يېرى ئاق، بىر يېرى قارا، ئالا:[مىسال:] چامبۇل ئېشەك.

چامچا

  • چامچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەرەنچە كۆڭلەك.

چامداتماق

  • چامداتماق[يەشمىسى:] «چامدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بالىسىنى ئىككى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چامدىتىپ، ئىككى چامدىتىپ مېڭىشنى ئۆگەتتى.

چامداشماق

  • چامداشماق[يەشمىسى:] «چامدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تولىمۇ ھارغىن قىياپەتتە ئېغىر-ئېغىر چامدىشىپ كېلىۋاتاتتى.

چامدالماق

  • چامدالماق[يەشمىسى:] «چامدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چامدام

  • چامدام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن تاشلانغان ھەربىر قەدەم، ماڭدام.[يەشمىسى:] ② ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، قەدەم بىلەن ئۆلچەشكە بولىدىغان ئۇزۇنلۇقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ بەش-ئالتە چامدام ماڭمايلا، دادىسى ئۇچراپ قالدى.

چامدىماق

  • چامدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاياغ تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەك؛ قەدەم باسماق، ماڭماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كەينىدىن يېنىك چامداپ ئەختەمباي كىردى.

چامغۇر

  • چامغۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تۈگۈنەك يىلتىزى گۆشلۈك بولۇپ، رەڭگى ئاق ياكى قىزىل، شەكلى يۇمىلاق، شار شەكلىدە ياكى ئۇزۇنچاق كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك يىلتىزى كۆكتات قىلىنىدۇ، يوپۇرمىقى تار، ئۇزۇن كېلىدۇ، ئۇنىڭ چوڭ-چوڭ كەمتۈك جايلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى.

چامغۇرلۇق

  • چامغۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چامغۇر تېرىلغان يەر، ئېتىز.

چامىلاتماق

  • چامىلاتماق[يەشمىسى:] «چامىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چامىلاشماق

  • چامىلاشماق[يەشمىسى:] «چامىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چامىلانماق

  • چامىلانماق[يەشمىسى:] «چامىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چامىلىماق

  • چامىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى تەخمىنەن ھېسابلاپ كۆرمەك، مۆلچەرلىمەك، قىياس قىلماق:[مىسال:] سەن بىر چامىلاپ كۆرگىن، مۇشۇ قوي قانچە كىلوگرام چىقار.

چانا

  • چانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان، مەخسۇس مۇز ياكى قار يولىدا تېيىلىپ ماڭىدىغان بىر خىل قاتناش قورالى.

چاناتماق

  • چاناتماق[يەشمىسى:] «چانىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاناچ

  • چاناچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېرە خالتا؛ تورسۇق، تۇلۇم.

چاناشماق

  • چاناشماق[يەشمىسى:] «چانىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاناق

  • چاناق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئالتۇن، كۈمۈش، مىس قاتارلىق مېتاللارنى ئېرىتىدىغان، چوقىدىن ياسالغان قاچا.[يەشمىسى:] ② كۆز شارچىسى يەنى قارىچۇق جايلاشقان ئورۇن:[مىسال:] كۆز چانىقى.[يەشمىسى:] ③ ئارپا، شال، بۇغداي قاتارلىقلارنىڭ دېنىنى، كېۋەزنىڭ پاختىسىنى ئوراپ تۇرغان قېپى، شاكىلى.[يەشمىسى:] ④ تۈگمەنگە ئورنىتىلغان سۈكەننىڭ ئۈگۈت چۈشىدىغان، ئۈستى يۇمىلاق، ئۇچى نور شەكىللىك قىسمى.

چانالماق

  • چانالماق[يەشمىسى:] «چانىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئوتۇن چانالدى.

چاندۇرماق

  • چاندۇرماق[يەشمىسى:] «چانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەشىق جەريانىدا مەن كۆپ چاندۇردۇم.

چاندۇرۇشماق

  • چاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «چاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاندىر

  • چاندىر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۆشنىڭ قاتتىق پەي قىسمى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جۈدەڭ، قاتاڭغۇر، ياداڭغۇ:[مىسال:] چاندىر ئادەم.

چانماق

  • چانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ماسلىشالماي قالماق، تۆۋەن، ناچار ئىكەنلىكى، تەڭ ئەمەسلىكى بىلىنىپ قالماق:[مىسال:] ئۆيمۇ يامان سېلىنماپتىكەن، شۇغىنىسى، كىگىز سەل چېنىپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② رايى، مەيلى يانماق، مۇناسىپ ئەمەس دەپ قارىماق (ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] خوتۇنىدىن چانماق.[يەشمىسى:] ③ ئاشكارا بولۇپ قالماق، بىلىنىپ قالماق:[مىسال:] يالغان سۆزلىگىنى چېنىپ قالماق.

چانىماق

  • چانىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىغلىق ئەسۋابنى بىرەر نەرسىگە ئۇرماق، كەسمەك، پارچە-پارچە قىلماق:[مىسال:] گۆش چانىماق. پىياز چانىماق.[يەشمىسى:] ② چاپماق، بوشاتماق، يۇمشاتماق:[مىسال:] يەر چانىماق.

چاۋا

  • چاۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ① قېرىننىڭ پەسكى قىسمى بىلەن سان ئارىلىقى.[يەشمىسى:] ② قېرىن مېيى.

چاۋىسى چىتقا يېيىلماق

  • چاۋىسى چىتقا يېيىلماق[يەشمىسى:] قىلغان-ئەتكىنى خەلقىئالەم ئالدىدا ئاشكارىلىنىپ، رەسۋا بولماق، سىرى پاش بولماق.

چاۋات

  • چاۋات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزىنى چوڭ، يۇپقا ئېچىپ پىشۇرۇلىدىغان ھەمەك:[مىسال:] چاۋات نان.

چاۋار

  • چاۋار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ قۇرۇق شاخ-شادىلىرى؛ شاخ-شۇمبا.

چاۋارتقۇ

  • چاۋارتقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈك قاپارتمىسى.

چاۋارتماق

  • چاۋارتماق[يەشمىسى:] «چاۋارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چاۋار-چاتقال

  • چاۋار-چاتقال[يەشمىسى:] چاۋار ۋە شۇ قاتاردىكى نەرسىلەر.

چاۋارماق

  • چاۋارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاپتاپ ياكى ئوتنىڭ قىزدۇرۇشىدىن پۇت-قول، بەدەن چارلىشىپ ھەر خىل داغ، سۇلۇق قاپارتما ھاسىل بولماق.[يەشمىسى:] ② ئۇسسۇزلۇق ياكى قىزىق ئاپتاپتىن چارلىشىپ سارغايماق (زىرائەت ھەققىدە):[مىسال:] بۇغدايلار چاۋىرىپ كەتتى.

چاۋاك

  • چاۋاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ئالىقاننىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشى:[مىسال:] چاۋاك چالماق.

چاۋاكلاشماق

  • چاۋاكلاشماق[يەشمىسى:] «چاۋاكلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاۋاكلىماق

  • چاۋاكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالىقىنىنى ئالىقىنىغا ئۇرماق؛ شاپىلاقلىماق:[مىسال:] باسىت ئورنىدا ئولتۇرالماي قالدى:[مىسال:] پاھ... ئاتەش-ئاتەش... دېدى ئۇ يوتىسىغا چاۋاكلاپ.

چاۋشيەن

  • چاۋشيەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەرقىي ئاسىيادىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بىر دۆلەت. شىمالىي چاۋشيەن ۋە جەنۇبىي چاۋشيەن دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

چاۋشيەنزۇ

  • چاۋشيەنزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ياكى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا ھەم مەملىكىتىمىزنىڭ جىلىن، خېيلوڭجياڭ ۋە لياۋنىڭ قاتارلىق جايلىرىغا ئولتۇراقلاشقان.

چاۋشيەنشۇناس

  • چاۋشيەنشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاۋشيەنزۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئىرقى، ئىقتىسادى، تارىخى ۋە تىلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغۇچى كىشى.

چاۋشيەنشۇناسلىق

  • چاۋشيەنشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاۋشيەنزۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئىرقى، ئىقتىسادى، تارىخى ۋە تىلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

چاۋكا

  • چاۋكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ساغرىسى چىپارئات.

چاي

  • چاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال. يۇمران يوپۇرمىقى پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن دەملەپ ئىچىدىغان چاي بولىدۇ. ئۇ جەنۇبىي جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىنىڭ بىرى.[يەشمىسى:] ② شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات.[يەشمىسى:] ③ شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتىدىن دەملەنگەن ئىچىملىك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر سەۋەب بىلەن باشقىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان زىياپەت؛ مېھماندارچىلىق:[مىسال:] چاي ئۆتكۈزمەك.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇدا بولغان ئىككى تەرەپتىن ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە تويلۇق سوۋغىلىرىنى ئاپىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەت:[مىسال:] چوڭ چاي. كىچىك چاي.

چاي پۇلى

  • چاي پۇلى[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئورۇنداپ بەرگەنلىك يۈزىسىدىن بېرىلىدىغان ھەق؛ تاپان ھەققى.

چاي قاينىمى

  • چاي قاينىمى[يەشمىسى:] بىر چۆگۈن سۇ قاينىغۇدەك ۋاقىت، مەزگىل. ئارىدىن چاي قاينىمى ۋاقىت ئۆتكەندە بىز ماڭدۇق.

چاي قويماق

  • چاي قويماق[يەشمىسى:] بىراۋغا ناماقۇل بولۇش، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراش يۈزىسىدىن زىياپەت بەرمەك.

چاي ئىچۈرمەك

  • چاي ئىچۈرمەك[يەشمىسى:] يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە تويلۇق سوۋغىلىرىنى ئاپرىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىز تەرەپتە زىياپەت ئۆتكۈزمەك؛ توي قىلىشقا كېلىشمەك.

چايان

  • چايان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم پۇتلۇق ھايۋان. تېنىنىڭ رەڭگى كۆپىنچە سېرىق بېغىر رەڭ كېلىدۇ. قويرۇق تەرىپىدە زەھەرلىك ئىلمىكى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن مۇداپىئەلىنىدۇ ياكى ئۇزۇقلۇق تۇتىدۇ؛ تۇغۇپ كۆپىيىدۇ، ئۆمۈچۈك، ھاشاراتلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ؛ تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

چايانلىق

  • چايانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چايان ماكانلاشقان، چايان كۆپ جاي.

چايانئوت

  • چايانئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چايان+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چايانئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە زەھەرلىك ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. تۈگۈنەك غولى دورا قىلىنىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش ۋە بەلغەم بوشىتىش رولىغا ئىگە.

چايپەش

  • چايپەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چاي ئوراپ قويىدىغان تۈگۈچى، چاي سالىدىغان تېرە خالتا.

چايپۇرۇش

  • چايپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاي تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ چاي سودىگىرى.

چايپۇرۇشلۇق

  • چايپۇرۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاي تىجارىتى، چاي ئېلىپ-سېتىش ئىشى؛ چايچىلىق.

چايجۇش

  • چايجۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاي چۆگۈنى.

چايچى

  • چايچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چايخانا ئېچىپ چاي ساتىدىغان، چاي سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② زىياپەت ۋە مېھماندارچىلىقلاردا، مېھمانلارغا چاي قۇيىدىغان كىشى.

چايچىلىق

  • چايچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاي قاينىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، چاي سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىش كەسپى.

چايخانا

  • چايخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس چاي دەملەپ سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن؛ ساماۋارخانا.

چايخانىچى

  • چايخانىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چايخانا ئاچقان ئادەم، چايخانا خوجايىنى.

چايخور

  • چايخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاينى ياخشى كۆرىدىغان، چاينى كۆپ ئىچىدىغان، چايغا ئامراق:[مىسال:] چايخور ئادەم.

چايخورلۇق

  • چايخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاينى ياخشى كۆرۈش، چاينى كۆپ ئىچىش ئادىتى.

چايدام

  • چايدام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چۆللەردە سۇ يىغىلىپ قالىدىغان كۆلچەكلەر.

چايدان

  • چايدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قايناق سۇنى مەلۇم ۋاقىتقىچە ئىسسىق ساقلاپ بېرىدىغان شېشە قاچا.

چايزار

  • چايزار[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاي بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] چايزار جىلغا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپ چاي ئۆستۈرۈلگەن چاي.

چايزارلىق

  • چايزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چايزار جاي.

چايشاپ

  • چايشاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئورۇن-تۆشەك ئۈستىگە يېپىلىدىغان ياپقۇچ؛ كىرلىك.

چايقاتماق

  • چايقاتماق[يەشمىسى:] ① «چايقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② ھەر يانغا داۋالغۇتماق، ئىرغاڭلاتماق، تەۋرەتمەك:[مىسال:] سۇنى چايقاتماق.

چايقاشماق

  • چايقاشماق[يەشمىسى:] «چايقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چايقاق

  • چايقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇنىڭ دولقۇندىن پەس بولغان تەۋرىنىشى.

چايقالماق

  • چايقالماق[يەشمىسى:] «چايقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چايقىماق

  • چايقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۇيۇلغان نەرسىنى پاكىز سۇغا چىلاپ ياكى ئۈستىدىن پاكىز سۇ قۇيۇپ تازىلىماق:[مىسال:] كىر چايقىماق. چىنە چايقىماق.[يەشمىسى:] ② دانىچە ھالەتتىكى نەرسىلەرنى يۇماق:[مىسال:] قۇم چايقىماق. ئالتۇن چايقىماق.[يەشمىسى:] ③ سىلكىمەك، ئىرغىتماق، لىڭشىتماق:[مىسال:] باش چايقىماق.

چايكا

  • چايكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئائىلىسى. كۆپىنچە دېڭىز بويلىرىدا ياشايدۇ، بېلىقلار بىلەن ئۇزۇقلىنىدۇ.

چايگۈل

  • چايگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چاي+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ ياكى چاتقال. ئۇ بىر خىل مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، گۈلى ناھايىتى چىرايلىق، ئۇرۇقىدىن ماي ئېلىشقا بولىدۇ.

چايلىماق

  • چايلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەر باراقسانلىماق.

چايناتماق

  • چايناتماق[يەشمىسى:] «چاينىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] چىشىم ھېچنېمە چايناتمىدى.

چايناشماق

  • چايناشماق[يەشمىسى:] «چاينىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چاينالماق

  • چاينالماق[يەشمىسى:] «چاينىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چاينام

  • چاينام[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېمەكلىكلەردىن ئېغىزدا بىر قېتىم چايناشقا بولىدىغان پارچە بۆلەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، چاينالغان نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر چاينام نان. بىر چاينام گۆش.

چاينىماق

  • چاينىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چىش بىلەن چىشلەپ ئۇششاقلىماق، ئەزمەك، يۇمشاتماق.[يەشمىسى:] ② يېمەك:[مىسال:] چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش چاينا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلماق، يامىنىنى ئېيتماق؛ غاجىماق:[مىسال:] بەزىلەر ئادەمنىڭ يۈزىدە گەپ قىلماي، ئارقىسىدىن چاينايدۇ.

چايئوت

  • چايئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چاي+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلقىيار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تارقىلىشى كەڭ، ئادەتتە دەريا بويلىرى ۋە سۈيى مول جىلغىلاردا كۆپ ئۆسىدۇ. ئۇنىڭدىن ياريېلىم ئېلىشقا ۋە چاي ئورنىدا دەملەپ ئېچىشكە بولىدۇ.

چەببىيات

  • چەببىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ 2-مۇقامىنىڭ نامى. بۇ مۇقام ئاساسەن 23 نەغمە، 251 مىسرا بولۇپ، چوڭ نەغمىگە 12 نەغمە، 137 مىسرا؛ 4 داستانغا 8 نەغمە، 76 مىسرا؛ 3 مەشرەپكە 3 نەغمە، 38 مىسرا جايلاشقان.

چەبدەس

  • چەبدەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىش-ھەرىكىتى تېز، چاققان، تېتىك، ئەپچىل:[مىسال:] چەبدەس ئادەم.

چەبدەسلىك

  • چەبدەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چەبدەس ھەرىكەت.

چەپ

  • چەپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① گەۋدىنىڭ يۈرەك جايلاشقان تەرىپىدىكى؛ سول:[مىسال:] چەپ كۆز.[يەشمىسى:] ② گەۋدىنىڭ شۇ تەرەپكە يېقىن، شۇ تەرەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى:[مىسال:] چەپ تەرەپ. چەپ يانچۇق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشى ئوڭغا يۈرمەيدىغان، نەس؛ تەتۈر:[مىسال:] چەپ ئادەم.

چەپكە تارتماق

  • چەپكە تارتماق[يەشمىسى:] ئوڭۇشسىزلىققا قاراپ يۈزلەنمەك، قۇلايسىزلاشماق.

چەپ كۆزدە قارىماق

  • چەپ كۆزدە قارىماق[يەشمىسى:] بىردەك مۇئامىلە قىلماي كەمسىتمەك، تۆۋەن كۆرمەك.

چەپبېگى

  • چەپبېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چەپ+بەگ+ى[[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمىدىكى مۇھاپىزەت لەشكەرلىرىنىڭ باشلىقى.

چەپچەك

  • چەپچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۆگۈننىڭ، چەينەك قاتارلىق سايمانلارنىڭ تېگى تەرىپىدىكى يەرگە قويۇشقا لايىق قىلىپ ياسالغان قىسمى:[مىسال:] چەپچەك بېكىتمەك.

چەپچەكلىك

  • چەپچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چەپچىكى بار، چەپچەك ئورنىتىلغان:[مىسال:] چەپچەكلىك چۆگۈن. چەپچەكلىك چەينەك.

چەت

  • چەت[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەركەزدىن يىراق جاي؛ يان، ياقا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزگە، يات، باشقا:[مىسال:] چەت تىل. چەت دۆلەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرغاق، لەپ، ياقا:[مىسال:] دەريانىڭ ئۇ چېتىدە بىر ئادەم كۆرۈنەتتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىگە نىسبەتەن يىراق، نېرى جاي:[مىسال:] ئالدىراپ يېنىپ كەلگەن ھېلىقى ئادەم: پۇتلاشماي چەتتە تۇر، دەپ مېنى ئىتتىرىۋېتىپ، دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى.

چەت ئەل

  • چەت ئەل[يەشمىسى:] ئۆز مەملىكىتىدىن باشقا مەملىكەت، باشقا دۆلەت.

چەتكە چىقماق

  • چەتكە چىقماق[يەشمىسى:] ① تۇرغان جايىدىن قوزغىلىپ، يىراققا، ياقا جايغا كەتمەك.[يەشمىسى:] ② چەت ئەلگە چىقماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەسئۇلىيەتتتىن قاچماق، باش تارتماق:[مىسال:] ئۇنى ئوغرىلىققا سېلىپ قويۇپ، ئۆزىمىز چەتكە چىقىۋالىمىز دېگىنە.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتتىن قولىنى تارتماق، ئالاقىسىنى ئۈزمەك.

چەتكە قاقماق

  • چەتكە قاقماق[يەشمىسى:] ئارىغا ئالماي، يېتىم قالدۇرماق؛ رەت قىلماق، ئىنكار قىلماق.

چەت-چۆرە

  • چەت-چۆرە[يەشمىسى:] چەت ۋە چۆرە، ئەتراپ.

چەتلەتمەك

  • چەتلەتمەك[يەشمىسى:] «چەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەتلەشمەك

  • چەتلەشمەك[يەشمىسى:] «چەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەتلەمچى

  • چەتلەمچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] داۋاملىق توپتىن ئايرىلىپ قېچىپ يۈرىدىغان، قاچقاق (چارۋا مال ھەققىدە).

چەتلەنمەك

  • چەتلەنمەك[يەشمىسى:] «چەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چەتلىمەك

  • چەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چېتىگە، يان تەرىپىگە قاراپ يول ئالماق؛ ياندىماق.[يەشمىسى:] ② ئۆزىنى قاچۇرماق، چەتكە ئالماق؛ داجىماق:[مىسال:] ئۇلار بىزدىن چەتلىدى.[يەشمىسى:] ③ ئاداشماق، ئازماق، ئازغاشماق، يېڭىلىشماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ يولۇچىلار چوڭ يولدىن چەتلەپ، تارىم بويىغا كېلىپ قالدى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەركەزدىن، نۇقتىدىن، نىشاندىن يىراقلاپ كەتمەك، قېيىپ كەتمەك، قاڭقىماق:[مىسال:] قولنىڭ تىترىشى بىلەن ئوق نىشاندىن سەللا چەتلىسە، بىرمۇنچە چەتلەپ كېتەتتى-دە، قارىغا تەگمەيتتى.

چەتنەتمەك

  • چەتنەتمەك[يەشمىسى:] «چەتنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەتنەشمەك

  • چەتنەشمەك[يەشمىسى:] «چەتنىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەتنەك

  • چەتنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا ئادەتتە، باشقىلارنىڭ كۆزى تەگكەنلىكىدىن شۇ كىشىدە پەيدا بولغان بىر خىل كېسەل:[مىسال:] چەتنەك تەگمەك.

چەتنو

  • چەتنو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئامبۇرنىڭ بىر تۈرى.

چەتنىمەك

  • چەتنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆز تەگمەك. كۆز تېگىپ كېسەلگە دۇچار بولماق.

چەتىش

  • چەتىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇستىرىنىڭ دەستە بىلەن تىغ ئارىلىقىغا قويۇلغان ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلدىكى كەمتۈك جايى؛ كاۋاكچە.

چەت-ياقا

  • چەت-ياقا[يەشمىسى:] شەھەر، بازار ياكى مەھەللىدىن يىراق چەت ۋە ياقا يەر، چەت-چۆرە.

چەچكە

  • چەچكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بۆزچىنىڭ يىپ تارغىقى.

چەرەندە

  • چەرەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① يۇمشاق تەنلىك جانلىقلار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان، كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان بىرنېمە، پارچە-پۇرات نەرسە.

چەرەندە-پەرەندە

  • چەرەندە-پەرەندە[يەشمىسى:] ① ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلار.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان، كىشىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان، پارچە-پۇرات.

چەرچىن

  • چەرچىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇششاق-چۈششەك.

چەرچىنمال

  • چەرچىنمال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چەرچىن+مال[[يەشمىسى:] مىلىچمال، ئۇششاق مال؛ ئۇششاق-چۈششەك تاۋار.

چەرچىنمالچى

  • چەرچىنمالچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇششاق-چۈششەك تاۋارلارنى ساتقۇچى.

چەشⅠ

  • چەشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مېنىرال. تەركىبى .SO2 ئۇ كۋارتسنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، يېلىن، ئۈزۈم ۋە نۆكچە ھالىتىدە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن ئۈزۈكنىڭ كۆزى قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ.

چەشⅡ

  • چەشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاماندا سورۇپ، پاكىزلەپ تەييارلانغان ئاشلىق دۆۋىسى.

چەشلەتمەك

  • چەشلەتمەك[يەشمىسى:] «چەشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەشلەشمەك

  • چەشلەشمەك[يەشمىسى:] «چەشلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەشلەنمەك

  • چەشلەنمەك[يەشمىسى:] «چەشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چەشلىمەك

  • چەشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چەش ھالىتىگە كەلتۈرمەك.

چەشمە

  • چەشمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] بۇلاق.

چەكⅠ

  • چەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] بانكىنىڭ پۇل ئېلىش، پۇل بېرىش مۇئامىلىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت.

چەكⅡ

  • چەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سايلامدا، سايلىغۇچىلار سايلانغۇچىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويىدىغان قەغەز، بېلەت.[يەشمىسى:] ② لاتارى بېلىتى.[يەشمىسى:] ③ رەت تەرتىپىنى بەلگىلەش ۋە بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قوللىنىدىغان بىر خىل ۋاسىتە:[مىسال:] چەك ئالماق. چەك تاشلىماق.

چەكⅢ

  • چەكⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① داۋاملىشىۋاتقان نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى، توختاش نۇقتىسى؛ چېگىرىسى، پەللىسى:[مىسال:] چېكىگە يەتمەك. چەكتىن ئاشماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يول قويۇلۇش مۇمكىنلىكى بولغان ئاخىرقى نۇقتا؛ ئۆلچەم، نورما:[مىسال:] چەك قويماق. چەكتىن ئاشماق. چەككە يەتمەك.

چەكادە

  • چەكادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە بازار باشقۇرغۇچى يەرلىك ئەمەلدار.

چەكتۈرمەكⅠ

  • چەكتۈرمەكⅠ[يەشمىسى:] «چەكمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەكتۈرمەكⅡ

  • چەكتۈرمەكⅡ[يەشمىسى:] «چەكمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەكچەيتمەك

  • چەكچەيتمەك[يەشمىسى:] «چەكچەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دىلشات دوستىنىڭ قوپال سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپلا قالدى.

چەكچەيتىلمەك

  • چەكچەيتىلمەك[يەشمىسى:] «چەكچەيتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چەكچەيمەك

  • چەكچەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزىنى يوغان ئېچىپ، تىكىلىپ قارىماق:[مىسال:] خاننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى چەكچەيدى.

چەك-چېگرا

  • چەك-چېگرا[يەشمىسى:] ① چەك ۋە چېگرا.[يەشمىسى:] ② ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت:[مىسال:] چەك-چىگرىنى ئايرىماق.

چەكچىيىشمەك

  • چەكچىيىشمەك[يەشمىسى:] «چەكچەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەكرەك

  • چەكرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نوختىنىڭ كېكىردەك بىلەن ئېڭەك ئاستىدىكى تۈگۈنچەك جايى؛ تاماقلىق.

چەكسىز

  • چەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چېكى، چېگرىسى يوق؛ ناھايىتى كەڭ، كۆز يەتكۈسىز، بىپايان:[مىسال:] چەكسىز ئورمان. چەكسىز دالا.[يەشمىسى:] ② ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان، سانى يوق، ناھايىتى نۇرغۇن؛ سانسىز، ھېسابسىز:[مىسال:] چەكسىز بايلىق.

چەكسىزلىك

  • چەكسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېكى يوقلۇق، بىپايانلىق، ھەددى-ھېسابسىزلىق.

چەككە

  • چەككە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پەقەت، ھېچقاچان، ئەسلا، زادى.

چەككۈچ

  • چەككۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناننىڭ يۈزىنى چېكىش ئۈچۈن، دۈگىلەك ياغاچقا تۆمۈر مىخ بېكىتىپ ياكى قۇش پەيلىرىنى بوغۇپ ياسىغان سايمان.

چەككىلەتمەك

  • چەككىلەتمەك[يەشمىسى:] «چەككىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەككىلەشمەك

  • چەككىلەشمەك[يەشمىسى:] «چەككىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەككىلەنمەك

  • چەككىلەنمەك[يەشمىسى:] «چەككىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چەككىلىگۈچ

  • چەككىلىگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ تەركىبىنى ئايرىشتا پايدىلىنىدىغان ئەسۋاب؛ سۈزگۈچ:[مىسال:] ماي چەككىلىگۈچ.

چەككىلىمەك

  • چەككىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قىزدۇرۇش، سۈزۈش ياكى مەلۇم تېخنىكىلىق ئۇسۇل بىلەن كېرەكلىك ياكى كېرەكسىز نەرسىنى ئاجرىتىپ چىقارماق.

چەكلەتمەك

  • چەكلەتمەك[يەشمىسى:] «چەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەكلەشمەك

  • چەكلەشمەك[يەشمىسى:] «چەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەكلەنمەك

  • چەكلەنمەك[يەشمىسى:] «چەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چەكلىك

  • چەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېكى بار، مۇئەييەن چەك ۋە ساندىن ئېشىپ كەتمەيدىغان:[مىسال:] چەكلىك پۇل. چەكلىك شىركەت.

چەكلىمە

  • چەكلىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەلگىلىك دائىرىدە چەكلەنگەن ھالەت، چەكلەنگەن دائىرە:[مىسال:] چەكلىمە قويماق. يۇقىرى چەكلىمە.

چەكلىمەك

  • چەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەلگىلەنگەن دائىرە، نورما، ئۆلچەمنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىشىنى توسماق؛ مەنئى قىلماق.

چەكلىمىلىك

  • چەكلىمىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چەكلەپ تۇرىدىغان دائىرە، نەرسە، شارائىت:[مىسال:] ئادەم مەلۇم چەكلىمىلىك ئىچىدە ياشايدۇ.

چەكمە

  • چەكمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دوپپا تۆپىلىكىنىڭ ئومۇمىي يۈزىگە ئىنچىكە ئاق يىپ بىلەن چېكىپ تىكىلگەن گۈل.

چەكمەكⅠ

  • چەكمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بارماق، زەخمەك قاتارلىقلار بىلەن ئۇرماق:[مىسال:] پېشانىگە چەكمەك. * ئات ئالساڭ مىنىپ كۆر، چىنە ئالساڭ چېكىپ كۆر (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رايىنى، مەيلىنى بايقاپ كۆرمەك؛ سىنىماق:[مىسال:] رەيھان ھەر قېتىم چىققاندا، ھۈرنىساخان گەپ ئەگىتىپ قىزنى چېكىپ قوياتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تاللىماق، خىللىماق:[مىسال:] چېكىپ تۇرۇپ ئالماق.[يەشمىسى:] ④ يىڭنە قاتارلىق تىغلىق ئەسۋاب ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىگە، نەرسە يۈزىگە سانجىپ ياكى ئويۇپ، تىلىپ، شەكىل چىقارماق؛ نەقىشلىمەك:[مىسال:] گۈل چەكمەك.

چەكمەكⅡ

  • چەكمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تارتماق، سۈمۈرمەك، ئىستېمال قىلماق:[مىسال:] تاماكا چەكمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشتىن كەچۈرمەك؛ تارتماق، كۆرمەك:[مىسال:] جاپا چەكمەك.

چەكمەن

  • چەكمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىششىق ئېگىرىلگەن پاختا ياكى يۇڭ يىپتىن پۇختا، سىلىق قىلىپ توقۇلغان يەرلىك رەخت:[مىسال:] ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما (ماقال).

چەگ

  • چەگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئۆچكىنى قوغلاش، ھەيدەشنى بىلدۈرىدىغان بۇيرۇق ئىماسى.

چەل

  • چەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نەم؛ ھۆل.

چەلەڭ

  • چەلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى توم ۋە يوغان بولۇپ، شارغا سەل ئوخشايدۇ، رەڭگى ئاقۇچ يېشىل ياكى سۆسۈن كېلىدۇ؛ غولى كۆكتات قىلىنىدۇ.

چەلپەك

  • چەلپەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خېمىرنى يۇپقا ئېچىپ، ياغدا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل پوشكال.

چەلپەكچى

  • چەلپەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «پوشكالچى»غا قاراڭ.

چەلگىتمەك

  • چەلگىتمەك[يەشمىسى:] «چەلگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەلگىمەك

  • چەلگىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقلارنىڭ يېغى ئۈستىگە ئۆرلەپ تۇرماق؛ لەيلىمەك.

چەلگىنمەك

  • چەلگىنمەك[يەشمىسى:] «چەلگىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مايسىخان ھەدە خام قايماق بىلەن پىششىق قايماق ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئېتىلگەن، چەلگىنىپ تۇرىدىغان بىر كورا ئەتكەنچاينى كۆتۈرۈپ كىرىپ، لوتپۇللاغا ئۇزاتتى.

چەللە

  • چەللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۆت ئەتراپى ئوچۇق، ئۈستى يېپىقلىق ئورۇن.[يەشمىسى:] ② كاۋا، قاپاق، تەك شۇڭى ئارتىلدۇرۇلىدىغان جاھاز، باراڭ.

چەللىدە ئات چاپماق

  • چەللىدە ئات چاپماق[يەشمىسى:] ھالىغا باقماي چوڭ ئىشقا ئېسىلماق، ئۆزىنى كۆرسەتمەك:[مىسال:] مانا قارا، قاچانغىچە چەللىدە ئات چاپىدىغانسەن.

چەللىلىك

  • چەللىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چەللىسى بار، چەللە قىلىنغان:[مىسال:] چەللىلىك ھويلا.

چەم

  • چەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئات، كالا قاتارلىقلارنىڭ تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن رەخت.[يەشمىسى:] ② ئاياغ كىيىمىنىڭ يەرگە دەسسىلىدىغان قىسمى؛ ئۇلتاڭ:[مىسال:] چەم سالماق.

چەمەچ

  • چەمەچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىنچىكە، قىسقا چىۋىق.[يەشمىسى:] ② ئۈزۈم ئېسىلىدىغان، چاققا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىنچىكە ياغاچ.

چەمەك

  • چەمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە تىرەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاچا ياغاچ؛ ئاچىماق.[يەشمىسى:] ② يىكنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، چاقنىڭ يىكدېنىغا بېكىتىلىدىغان كىچىك ئاچا ياغاچ.

چەمبەر

  • چەمبەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] تەكشىلىكتىكى بىر ھەرىكەتچان نۇقتىنىڭ مەلۇم بىر نۇقتىنى مەركەز، مەلۇم ئۇزۇنلۇقنى ئارىلىق قىلىپ بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولغان ترايېكتورىيە.[يەشمىسى:] ② مەلۇم نەرسىنى سىقىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپقا قۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن ھالقىسىمان نەرسە.

چەمبەرچاس

  • چەمبەرچاس[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] چاپراس قىلىپ، يېشىلىپ كەتمەيدىغان قىلىپ، مۇستەھكەم، پۇختا:[مىسال:] چەمبەرچاس تاڭماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇستەھكەم، زىچ، چىڭ:[مىسال:] چەمبەرچاس مۇناسىۋەت.

چەمبەرسىمان

  • چەمبەرسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چەمبەرگە ئوخشايدىغان، چەمبەر شەكلىدىكى:[مىسال:] چەمبەرسىمان دائىرە.

چەمبەرلەتمەك

  • چەمبەرلەتمەك[يەشمىسى:] «چەمبەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ياغاچ ھارۋىسىنىڭ چاقىنى چەمبەرلىتىپ، ئېتىزغا ئوغۇت توشۇشقا باشلىدى.

چەمبەرلەشمەك

  • چەمبەرلەشمەك[يەشمىسى:] «چەمبەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەمبەرلەنمەك

  • چەمبەرلەنمەك[يەشمىسى:] «چەمبەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چەمبەرلىمەك

  • چەمبەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەممە تەرىپىنى چەمبەر بىلەن ئوراپ، چىرماپ باغلىماق، قارماپ ھالقا ئىچىگە ئالماق:[مىسال:] تۇڭنى چەمبەرلىمەك. چاقنى چەمبەرلىمەك.

چەمبىرەك

  • چەمبىرەك[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىم ياكى ئىنچىكە نوتا قاتارلىق ئېگىلىشچان ماتېرىياللاردىن ياسالغان دۈگىلەك ھالقا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئايلانما، دۈگىلەك؛ يۇمىلاق:[مىسال:] بىر چەمبىرەك گۈل.

چەمپەن

  • چەمپەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چاققان، كەپسىز؛ زېرەك، ھوشيار:[مىسال:] چەمپەن بالا.

چەملەتمەك

  • چەملەتمەك[يەشمىسى:] «چەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] سۇلايمان ئۆتۈكىنى رېزىنكىدە چەملەتتى.

چەملەشمەك

  • چەملەشمەك[يەشمىسى:] «چەملىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەملەنمەك

  • چەملەنمەك[يەشمىسى:] «چەملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چەملىك

  • چەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چەمى بار، چەم سېلىنغان:[مىسال:] كالتە چەملىك ئۆتۈك.

چەملىمەك

  • چەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئاياغ كىيىمىنىڭ ئاستىنقى قىسمىغا چەم ئورناتماق، چەم بېكىتمەك:[مىسال:] ئۆتۈك چەملىمەك.

چەندازا

  • چەندازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يانغا ئېسىۋالىدىغان پۇل سالغۇچ؛ پۇل خالتىسى، ھەميان.

چەندان

  • چەندان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى، ئىنتايىن، بەك، كۆپ:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھال-كۈنى بىزدىن چەندان ياخشى ئىدى.

چەنلەتمەك

  • چەنلەتمەك[يەشمىسى:] «چەنلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەنلەشمەك

  • چەنلەشمەك[يەشمىسى:] «چەنلىمەك»[يەشمىسى:] پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەنلىمەك

  • چەنلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۆلچىمەك، مۆلچەرلىمەك، تەخمىن قىلماق.[يەشمىسى:] ② قارىغا، نىشانغا ئالماق، نىشانلىماق.

چەۋەنداز

  • چەۋەنداز[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات مىنىش، ئات چاپتۇرۇشقا ماھىر، ئات ئۈستىدە ئويۇن كۆرسىتىش سەنئىتىنى ئىگىلىگەن ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] يېتىشكەن، چاققان؛ ماھىر، ئۇستا:[مىسال:] چەۋەنداز يىگىت.

چەۋەندازلىق

  • چەۋەندازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چەۋەندازلارغا خاس ماھارەت، ھۈنەر.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] تەنھەرىكەتنىڭ بىر خىلى. بۇ ئات بەيگىسى، توسالغۇدىن ئاتلىق ئۆتۈش، ئات ئۈستىدە قىلىچ چېپىش، ئاتلىق ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

چەۋرە

  • چەۋرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەۋرىنىڭ پەرزەنتى.

چەي

  • چەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] خېمىرنى ئۆرۈپ، مىجىقلاپ، نىقتاپ پىشۇرۇش ھەرىكىتى:[مىسال:] خېمىرنى چېيىگە قاندۇرماق.

چەيدو

  • چەيدو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] گۆش، كۆكتات قاتارلىق نەرسىلەرنى توغرايدىغان ئائىلە سايمىنى.

چەيزە

  • چەيزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① چەيزە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە، گۈلى سۆسۈن، مىۋىسى شارسىمان ياكى ئۇزۇنچاق، ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

چەيلەتمەك

  • چەيلەتمەك[يەشمىسى:] «چەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چەيلەشمەك

  • چەيلەشمەك[يەشمىسى:] «چەيلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چەيلەنمەك

  • چەيلەنمەك[يەشمىسى:] «چەيلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چەيلىمەك

  • چەيلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەسسەپ بۇزماق، نابۇت قىلماق، مىجىقىنى چىقارماق، پېتىقلىماق:[مىسال:] ئۇ ئاتقا كۈچەپ بىر قامچا ئۇردى-دە، ئادەم بويى ئۆسكەن بۇغدايلارنى دەسسەپ چەيلىدى.[يەشمىسى:] ② ئۆرۈپ، مىجىقلاپ، نىقتاپ پىشۇرماق:[مىسال:] خېمىرنى چەيلىمەك.

چەينەك

  • چەينەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مېتال ياكى چاقچۇقتىن ياسالغان، تۇتقۇچلۇق، جوغا ئورنىتىلغان، چاي دەملەپ ئىچىلىدىغان ئۆي ئەسۋابى.

چوبگەز

  • چوبگەز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تامچىلار سۇۋاقتا تامنى تەكشىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن ھەم قېلىن گەز.

چوپسا

  • چوپسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] نەرسە-كېرەكلەرنى سىلىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب؛ ئېكەك.

چوتⅠ

  • چوتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ① تۆت ئەتراپى توسۇق، ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بار بىر خىل ھېسابلاش ئەسۋابى:[مىسال:] چوت سوقماق.[يەشمىسى:] ② مۆلچەر، تەخمىن، چام، ھېساب:[مىسال:] خام چوت. نەق چوت.

چوتⅡ

  • چوتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچچىلار ئىشلىتىدىغان، كەكىگە ئوخشاش تىغى دەستىگە ئورنىتىلغان، چېپىش، يونۇش قورالى:[مىسال:] چوت چاپماق.

چوتارⅠ

  • چوتارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سىلىقلانغان ماتا.

چوتارⅡ

  • چوتارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىمار ئوينىغاندا ئۇتقۇچىلار جەزخورغا ياكى ئەتراپتىكىلەرگە بېرىدىغان پۇل:[مىسال:] چوتار بەرمەك.

چوتارچى

  • چوتارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىمار ئويۇنىدا ئۇتقۇچىلاردىن چوتار ئالىدىغان ئادەم.

چوتارچىلىق

  • چوتارچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوتار ئېلىش ئىشى.

چوتكا

  • چوتكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] نەرسىلەرنى يۇيۇش، تازىلاش، پەردازلاش ئۈچۈن، قىل ياكى سىمدىن مەخسۇس ياسالغان بۇيۇم.

چوتكىلاتماق

  • چوتكىلاتماق[يەشمىسى:] «چوتكىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چوتكىلاشماق

  • چوتكىلاشماق[يەشمىسى:] «چوتكىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چوتكىلانماق

  • چوتكىلانماق[يەشمىسى:] «چوتكىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چوتكىلىماق

  • چوتكىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوتكا بىلەن تازىلىماق، يۇماق؛ چوتكا بىلەن پەردازلىماق:[مىسال:] چىشىنى چوتكىلىماق.

چورت

  • چورت[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تىغى ئىتتىك ئەسۋابلار بىلەن كېسىپ تاشلىنىش، بىراقلا سۇنۇش، ئۈزۈلۈپ كېتىشنى بىلدۈرىدىغان شەكىل تەقلىدى:[مىسال:] چورت سۇنماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىراقلا، بىريولى؛ ئۈزۈل-كېسىل، پۈتۈنلەي.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەزۋەيلەپ ئولتۇرماستىن، كەسكىن ھالدا، كەسكىن ئۈزۈپلا:[مىسال:] گەپنى چورت كېسىپ قىلماق.

چورتان

  • چورتان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل يىرتقۇچ بېلىق. تاتلىق سۇدا ياشايدۇ، ھەرىكىتى چاققان بولۇپ، بېلىجان ۋە باشقا سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇپ يەيدۇ.

چورنىك

  • چورنىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>كىيىم-كېچەك<[يەشمىسى:] كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ تاقىسى ئىچىدىكى يېرىم ئايلانما سايمان.

چورۇق

  • چورۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تېرىدىن پۇتقا ئۆلچەپ تۇرۇپ كېسىپ، ئۇ ياق-بۇ ياقتىن تانا بىلەن تارتىپ كىيىدىغان ئاددىي ئاياغ كىيىمى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

چورۇقلۇق

  • چورۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چورۇقى بار، چورۇق كىيگەن.[يەشمىسى:] ② چورۇق قىلىشقا تەييارلانغان، چورۇق قىلىشقا لايىق:[مىسال:] پۈرۈم چورۇقلۇق شىرە ئۈچۈن باشقىلارغا سارغىيىدىغان چاغلار ئۆتۈپ كەتتى.

چوسۇنكا

  • چوسۇنكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قونچى كىگىز، باشلىقى خۇرۇم، تاپىنى چەمدىن ئىشلەنگەن پاشنىلىق پىيما.

چوسېنىيە

  • چوسېنىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تال تېرەكلەر ئائىلىسدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ياغىچى ئاق ۋە يۇمشاق بولۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

چوش

  • چوش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىر يەردىن ئىككىنچى بىر يەرگە سۇ ئۆتكۈزۈش، ئۆگزىدىن يامغۇر سۈيىنى ئېقىتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نوكەش ياغاچ.[يەشمىسى:] ② تۈگمەننىڭ نورى.

چوشقا

  • چوشقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بۇرۇن ۋە تۇمشۇقى ئۇزۇن، كۆزى كىچىك، قۇلىقى چوڭ، پۇتى قىسقا، تېنى سېمىز كېلىدۇ؛ تېرىسىدىن كۆن، خۇرۇم ئىشلەشكە؛ تۈكىدىن چوتكا ياساشقا بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ئەبلەخ، ھايۋان، جۇۋاينىمەك:[مىسال:] تەپتىش ئايىغىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، جىم تارقال جاي جايىڭغا رۇس چوشقىلىرى، دەپ ۋارقىرىدى.

چوشقىچىلىق

  • چوشقىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوشقا بېقىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] جۇڭگودا چوشقىچىلىق خېلى تەرەققىي قىلغان.

چوشقىياڭىقى

  • چوشقىياڭىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چوشقا+ياڭاق+ى[[يەشمىسى:] «بەللۇت»قا قاراڭ.

چوغ

  • چوغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆيۈپ ئىسى تۈگىگەن قىپقىزىل ئوت:[مىسال:] ئوتۇن چوغى. كۆمۈر چوغى.

چوغ چايقىماق

  • چوغ چايقىماق[يەشمىسى:] ئىس سوقۇپ قويغان كىشىلەرگە ئىچۈرۈش ئۈچۈن، كۆمۈر چوغىنى سۇغا سېلىپ چوغ تەمىنى چىقارماق.

چوغدان

  • چوغدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىسسىنىش ئۈچۈن چون ئېلىپ قويىدىغان، مېتالدىن ياسالغان مەخسۇس قاچا:[مىسال:] مىس چوغدان. چويۇم چوغدان.

چوغلانما

  • چوغلانما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوغلىنىدىغان، چوغ ھالەتتە تۇرىدىغان:[مىسال:] چوغلانما لامپا.

چوغلانماق

  • چوغلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوغ ھالەتكە كەلمەك، چوغقا ئايلانماق، چوغ بولۇپ لاۋۇلدىماق:[مىسال:] ئۇپۇق قىزىرىپ قۇياش چوغلاندى.

چوغۇندەك

  • چوغۇندەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] خۇددى تامغا قېقىلغان قوزۇققا ئوخشاش، بىر ئۇچى تايىنىش نۇقتىسىغا بېكىتىۋېتىلگەن، يەنە بىر ئۇچى تايانچىسىز ھالەتتە ئەركىن تۇرغان لىم.

چوقا

  • چوقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا.

چوقام

  • چوقام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تونۇردىكى چوغلارنى يىغىپ، توپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ياغاچ ساپ بېكىتىلگەن ئۇچى ئالىقانسىمان ئۇزۇن تۆمۈر سايمان.

چوقاي

  • چوقاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چورۇق:[مىسال:] پۈرۈم چوقاي كېيىۋالغان بىر دېھقان ئاشۇ «قاۋانلىق» يېنىدا توڭلاپ قالغان.

چوقچا

  • چوقچا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىك، ئېگىز:[مىسال:] چوقچا تۇرماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تولدۇرۇپ، لىپمۇلىپ:[مىسال:] ئۇ سۇنى ئىستاكانغا چوقچا قۇيدى.

چوقچايتماق

  • چوقچايتماق[يەشمىسى:] «چوقچايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چوقچايماق

  • چوقچايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بۆرتۈپ ئېگىز بولۇپ كۆرۈنمەك، دومبىيىپ چىقماق:[مىسال:] ئەنە، كۆز يەتكۈسىز يەرلەردە ئابرال تېغى چوقچىيىپ تۇرىدۇ.

چوقچىيىشماق

  • چوقچىيىشماق[يەشمىسى:] «چوقچايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چوققا

  • چوققا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تىك نەرسىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى، ئېگىز نۇقتىسى، جايى؛ ئېگىزلىك:[مىسال:] تاغ چوققىسى. بۇغدا چوققىسى.[يەشمىسى:] ② باش(كاللا)نىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يۇقىرى باسقۇچ، پەللە:[مىسال:] بىز پەن چوققىسىغا چىقىدىغان شوتا بولۇشنى خالايمىز. ياشلار يەلكىمىزگە دەسسەپ يۇقىرى ئۆرلىسۇن.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] كۆپ تەرەپلىكلەرنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ياكى كۆپ ياقلىقلارنىڭ ئۈچ قىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى.

چوقماق

  • چوقماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇچىدا چاتىقى بار ياغاچ؛ چوماق:[مىسال:] بىر كۈنى ئۇ يالغۇز ئوۋغا چىققاندا، قولۇمغا چوقماقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كەينىگە چۈشتۈم.

چوقۇ

  • چوقۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوغدان.

چوقۇتماق

  • چوقۇتماق[يەشمىسى:] «چوقۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] توخۇغا دان چوقۇتماق.

چوقۇر

  • چوقۇر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ يۈز ۋە بەدىنىگە چىققان چېچەكلەرنىڭ ئىزى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يۈزىدە چېچەك ئىزى بولغان:[مىسال:] چوقۇر يۈز. چوقۇر ئادەم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۈدۈر-چوقۇر، سىلىق ئەمەس:[مىسال:] چوقۇر تام. چوقۇر يەر. چوقۇر ئۆرۈك.

چوقۇش

  • چوقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقنىڭ مېڭە جايلاشقان باش ئۇستىخىنى.

چوقۇشماق

  • چوقۇشماق[يەشمىسى:] «چوقۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئىككى خوراز بىر سائەتتىن بىرى تالىشىپ، بىر-بىرىنى چوقۇشۇپ ھارغانىدى.

چوقۇلاتماق

  • چوقۇلاتماق[يەشمىسى:] «چوقۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چوقۇلاشماق

  • چوقۇلاشماق[يەشمىسى:] «چوقۇلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چوقۇلانماق

  • چوقۇلانماق[يەشمىسى:] «چوقۇلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىىسى:[مىسال:] تۈلكىنىڭ كۆزى چوقۇلاندى.

چوقۇلىماق

  • چوقۇلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چوقۇماق:[مىسال:] ھېلىقى خوراز قانىتىنى يېيىپ، قاتتىق بىر قىچقىرىۋېتىپ، يەرنى چوقۇلاپ ئايلىنىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زەربە بەرمەك، رەنجىتمەك، ئازار بەرمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كىچىككىنە ئەيىبىنى كۆرۈۋېلىپ، ھەممىمىز تەڭ چوقۇلىدۇق.

چوقۇم

  • چوقۇم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] قەتئىي، جەزمەن:[مىسال:] بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز چوقۇم نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغان كىشىلەردىن بولۇپ چىقىدۇ.

چوقۇماق

  • چوقۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تۇمشۇق بىلەن چىشلەپ، ئۈزۈپ ئالماق، تۇمشۇقىنى پاتۇرۇپ زېدە قىلماق، چوقۇپ ئويمان ھاسىل قىلماق:[مىسال:] قاغا تۆت قاراپ، بىر چوقۇيدۇ(ماقال).[يەشمىسى:] ② يۇنۇماق، پارچىلىماق، پارچە-پارچە قىلماق، ئۇششاقلىماق:[مىسال:] مۇز چوقۇماق. تاش چوقۇماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] رەنجىتمەك، ئازار بەرمەك، زەربە بەرمەك:[مىسال:] ئۇ ئۆزىگە ئالايغان ئادەمنى چوقۇۋالىدۇ.

چوقۇملاشتۇرماق

  • چوقۇملاشتۇرماق[يەشمىسى:] «چوقۇملاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چوقۇملاشتۇرۇلماق

  • چوقۇملاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «چوقۇملاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چوقۇملاشماق

  • چوقۇملاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تايىن تاپماق، قارار قىلىنماق، جەزملەشمەك.

چوقۇندۇرماق

  • چوقۇندۇرماق[يەشمىسى:] «چوقۇنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بۇتنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ھۆركىرەپ يىغلىدى. قىزىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىمۇ چوقۇندۇردى.

چوقۇندۇرۇلماق

  • چوقۇندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «چوقۇندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چوقۇندى

  • چوقۇندى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چوقۇپ تاشلاپ قويۇلغان، چوقۇپ ئېشىپ قالغان:[مىسال:] چوقۇندى نەرسە.

چوقۇنماق

  • چوقۇنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئېتىقاد قىلماق:[مىسال:] بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ ناھايىتى كۆپچىلىكى تەڭرىگە سېغىنماي، ئوتقا چوقۇنىدۇ.[يەشمىسى:] ② پۈتۈنلەي ئىشەنمەك، ئەقىدە قىلماق:[مىسال:] ئۇ باتۇر تاغىغا چوقۇناتتى.

چوقۇنۇشماق

  • چوقۇنۇشماق[يەشمىسى:] «چوقۇنماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مۇشۇ تەقلىدتە چوقۇنۇشۇپ بولغاندىن كېيىن، ياشلار تەرەپ-تەرەپكە تارقىشىپ كەتتى.

چوك

  • چوك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] بىرنەرسىنى سۆيۈشتىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئەسقەر بالىسىنىڭ مەڭزىگە «چوك» قىلىپ بىرنى سۆيدى.

چوكا

  • چوكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاماق يېيىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۈز، ئىنچىكە ياغاچ سايمان:[مىسال:] چوكا ياسىماق. چوكا ئالماق.[يەشمىسى:] ② چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىشتا ئىشلىتىدىغان ئىنچىكە ئۇزۇن تاياقچە:[مىسال:] ناغرا چوكىسى.[يەشمىسى:] ③ جىڭنىڭ ئۆلچەم توچكىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياغاچ ياكى تۆمۈر تاياقچىسى:[مىسال:] تارازا چوكىسى.

چوكان

  • چوكان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياتلىق قىلىنغان ياش ئايال، جۇۋان:[مىسال:] چوكان ئالماق. قېرى خوتۇن ياش بولدى، چوكانلارغا تەس بولدى(ماقال).[يەشمىسى:] ② تېرەك، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ ئەتىياز مەزگىلىدە بىخلىنىپ، كۆكەرگەن تېلى:[مىسال:] يامىشىپ سۆگەتلەرگە ئوينار ئىدىم، چوكاننى سۇندۇراتتىم، نەي ياسايتتىم.

چوكانتال

  • چوكانتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چوكان+تال[[يەشمىسى:] ① بىخلىنىپ، كۆكەرگەن، چوكان بولغان تال:[مىسال:] باھارنى ئالساق، كىشىلەر ئۇنى ئىللىقلىقى ۋە چوكانتاللىرىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ياخشى كۆرىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دېھقانلار كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۈمنىڭ بەشىنچىسى. ئۇ مىلادىيە 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 6-كۈنى ئارىلىقىدا باشلىنىدۇ.

چوكان-سېكىلەك

  • چوكان-سېكىلەك[يەشمىسى:] ھەم چوكان ھەم سېكىلەك:[مىسال:] قاراپ-قاراپ تويمايمەن، ئاسماندىكى لەگلەككە. چوكان-سېكىلەك بولۇپ، ئۇچسام دەيمەن پەلەككە.

چوكانلىق

  • چوكانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوكان دەۋرىگە خاس مىجەز، خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ئوغلۇڭ چوڭ بولسا، يىگىتلىكىڭنى ئالار، قىزىڭ چوڭ بولسا، چوكانلىقىڭنى ئالار(ماقال).

چوك-چوك

  • چوك-چوك[يەشمىسى:] «چوك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

چوككىدە

  • چوككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چوك» قىلىپ، «چوك» قىلغان ھالدا:[مىسال:] بارات دادىسىنىڭ ماڭلىيىغا چوككىدە بىرنى سۆيدى.

چوكۇلداتماق

  • چوكۇلداتماق[يەشمىسى:] «چوكۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ قىزنى چوكۇلدىتىپ بىرنەچچىنى سۆيدى.

چوكۇلداشماق

  • چوكۇلداشماق[يەشمىسى:] «چوكۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چوكۇلدىماق

  • چوكۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چوك» قىلغان ئاۋاز چىقماق.

چوكىدان

  • چوكىدان[يەشمىسى:] چوكىلارنى سېلىپ قويىدىغان قۇتا شەكىللىك قاچا:[مىسال:] ئۈستەلگە چوكىدان، لازا قاچىسى، چىنە-چەينەك قاتارلىق نەرسىلەر تىزىلغانىدى.

چوكىدەرىخى

  • چوكىدەرىخى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چوكا+دەرەخ+ى[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بىگنونىيە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ.ياغىچىدىن سايمان-جابدۇقلارنى ياساشقا بولىدۇ.

چوكىمۇز

  • چوكىمۇز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چوكا+مۇز[[يەشمىسى:] سۇغا شېكەر، سۈت قاتارلىقلارنى قوشۇپ، چوكا شەكلىدە توڭلىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل سوغۇق يېمەكلىك.

چوگ

  • چوگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] موزاي، تورپاقلارنى قايتۇرۇش ۋە قوغلاش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

چوڭ

  • چوڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىگىلىگەن ئورنى، ھەجمى غايەت كەڭ؛ زور، يوغان:[مىسال:] چوڭ شەھەر. چوڭ بىنا. چوڭ ھويلا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياش سانى كۆپ، يېشى ئارتۇق:[مىسال:] يېشى چوڭ. مەن سەندىن چوڭ. ∥چوڭ بېشىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئېچىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياشانغان، مويسىپىت، مۆتىۋەر كىشى؛ ئاقساقال:[مىسال:] چوڭنى ھۆرمەت قىلماق. چوڭنىڭ گېپىنى ئاڭلىماق.  ئۆينىڭ چوڭى بولمىسا. ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان(ماقال).[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستۈن، زور:[مىسال:] چوڭ غەلىبە. چوڭ ماھارەت.  بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر(ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] داغدۇغىلىق، ھەشەمەتلىك؛ كاتتا، زور:[مىسال:] چوڭ مەرىكە.  ئابدۇللا بايلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، چوڭ توي قىلىپ ئۆيلەنگەنىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەڭ، كەڭتاشا، كەڭ-كۇشادە، ئازادە (ئولتۇرۇش، سورۇن ھەققىدە):[مىسال:] مۇئەللىم تارتىنماڭ، ئۆز ئۆيىڭىزدەك ئازادە، چوڭ ئولتۇرۇڭ، دېدىم.

چوڭ ئانا

  • چوڭ ئانا[يەشمىسى:] ئاتا ياكى ئاپىنىڭ ئاپىسى؛ موما (پەرزنتلەرگە نىسبەتەن).

چوڭ تەرەت

  • چوڭ تەرەت[يەشمىسى:] يېيىلگەن ئوزۇقلۇقنىڭ ئاشقازاندا ھەزىم قىلىنغاندىن كېيىنكى ئارقا پېشاب يولى ئارقىلىق چىقىرىلىدىغان قىسمى.

چوڭ دادا

  • چوڭ دادا[يەشمىسى:] ئاتا ياكى ئاپىسىنىڭ ئاتىسى؛ بوۋا.

چوڭ قىلماق

  • چوڭ قىلماق[يەشمىسى:] بېقىپ، تەربىيىلەپ ئۆستۈرمەك، يېتىشتۈرمەك:[مىسال:] دېھقان ئىككى ئوغلىنى چوڭ قىلىپتۇ.

چوڭ يۈرەك

  • چوڭ يۈرەك[يەشمىسى:] قورقماس، باتۇر:[مىسال:] قانداق چوڭ يۈرەك نېمە ئىكەن ئۇ، مەن بىلەن ئېلىشىدىغان، دەپتۇ دىۋە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.

چوڭايتقۇچ

  • چوڭايتقۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەسىم، خەت نۇسخىسى، چېرتيوژ قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىنغان دەرىجىدە، ئەسلىدىكىدىن چوڭايتىپ بېرىدىغان ئەسۋاب.

چوڭايتماق

  • چوڭايتماق[يەشمىسى:] «چوڭايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چوڭايتىشماق

  • چوڭايتىشماق[يەشمىسى:] «چوڭايتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چوڭايتىلماق

  • چوڭايتىلماق[يەشمىسى:] «چوڭايتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەن ئىشكاپ ئۈستىدىكى دادامنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتىگە قارىدىم.

چوڭايماق

  • چوڭايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىگىلىگەن ئورنى ھەجىم جەھەتتىن كېڭەيمەك، يوغىنىماق:[مىسال:] كېرەكسىز ئۆيلەر چېقىۋېتىلگەندىن كېيىن، قورۇ خېلى چوڭىيىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② ئۆسمەك، يېتىلمەك، يوغىنىماق:[مىسال:] بالىلارمۇ چوڭىيىپ قالدى، ئاچىلىرى ئۇكىلىرىغا قارىيالايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپەيمەك، ئاۋۇماق، ئۇلغايماق (ۋەقە، ھادىسە ۋە ئىش-ھەرىكەت ھەققىدە):[مىسال:] مانا ئەمدى ئىش چوڭىيىشقا باشلىدى.

چوڭچى

  • چوڭچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان:[مىسال:] باينىڭ قىزى بولسا ئەركە، ھۇرۇن ھەم چوڭچى قىز ئىكەن.

چوڭچىلىق

  • چوڭچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەت؛ يوغانچىلىق:[مىسال:] چوڭچىلىق قىلماق.

چوڭقۇر

  • چوڭقۇر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قېزىلغان، كولانغان، ئويۇلغان ياكى تەبىئىي ھاسىل بولغان ئويمان:[مىسال:] ئۇ ئۇيقۇلۇقتا ئورنىدىن ئىتتىك قوپۇپ، يېنىدىكى چوڭقۇرغا چۈشۈپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېرە ن، ئوي:[مىسال:] چوڭقۇر ئازگال. چوڭقۇر قۇدۇق.  قۇدۇق چوڭقۇر، ئارغامچا قىسقا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەر تەرەپلىمە، ئەتراپلىق، كەڭ:[مىسال:] چوڭقۇر بىلىم. چوڭقۇر چۈشەنچە.

چوڭقۇرلاتماق

  • چوڭقۇرلاتماق[يەشمىسى:] «چوڭقۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يوللارنى ئېتىپ، خەندەكلەرنى چوڭقۇرلىتىپ، قورغانلارنى ئېگىزلىتەيلى، دېدى ئۇ.

چوڭقۇرلاشتۇرماق

  • چوڭقۇرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «چوڭقۇرلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قىسقا سۆھبەت شائىرنىڭ بوۋايغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

چوڭقۇرلاشتۇرۇشماق

  • چوڭقۇرلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «چوڭقۇرلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چوڭقۇرلاشتۇرۇلماق

  • چوڭقۇرلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «چوڭقۇرلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆگىنىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى تونۇش چوقۇرلاشتۇرۇلدى.

چوڭقۇرلاشماق

  • چوڭقۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوڭقۇر بولماق، چوڭقۇر ھالغا كەلمەك:[مىسال:] ئىشىمىزنىڭ مەخپىي ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىگە بولغان تونۇشۇم بۇرۇنقىدىن چوڭقۇرلاشتى.

چوڭقۇرلۇق

  • چوڭقۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چوڭقۇر، تېرەن بولۇش؛ چوڭقۇر، تېرەن ھالەت؛ تېرەنلىك:[مىسال:] ئېرىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى. ئەسەرنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى چوڭقۇرلۇقى.[يەشمىسى:] ② چوڭقۇر جاي؛ ئورا، ئازگال:[مىسال:] ئېنى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان چوڭقۇرلۇق.

چوڭقۇرلىماق

  • چوڭقۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوڭقۇر، تېرەن ھالغا كەلمەك، تېرەنلىمەك:[مىسال:] مەن ئەھۋالنى تولۇقراق بىلىش ئۈچۈن، چوڭقۇرلاپ سۈرۈشتۈردۈم.

چوڭ-كىچىك

  • چوڭ-كىچىك[يەشمىسى:] چوڭ ۋە كىچىك، ئۇلۇغ ئۇششاق:[مىسال:] مەن ھەممە چوڭ-كىچىك يىغىنلارغا تولۇق قاتنىشىپ كەلدىم، دېدى ئادىل جاۋاب بېرىپ.

چوڭلۇق

  • چوڭلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوڭ ھالەت، يوغانلىق، زورلۇق:[مىسال:] موزاي قوزۇققا چوڭلۇق قىلار(ماقال).

چوڭلىماق

  • چوڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوڭايماق، يوغانلىماق:[مىسال:] ئۈچ يىل بۇرۇن تىكىلگەن شاپتۇل كۆچەتلىرى يىلدىن-يىلغا چوڭلاپ، مېۋە بېرىشكە باشلىدى.

چولا

  • چولا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋاقىت، پۇرسەت:[مىسال:] بىكارنىڭ چولىسى يوق، قىلغىلى ئىشى يوق (ماقال).

چولاتماق

  • چولاتماق[يەشمىسى:] «چولىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چولاشماق

  • چولاشماق[يەشمىسى:] «چولىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چولاق

  • چولاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قولى يوق ياكى قولىدىن ئايرىلغان:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ باي قولىدىن ئايرىلىپ، چولاق بولۇپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② قۇيرۇقى يوق، قۇيرۇقى يۇلۇنغان، قۇيرۇقسىز:[مىسال:] ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۆدۈنىنىڭ قۇيرۇقى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ چولاق بولۇپ قالغانىكەن.[يەشمىسى:] ③ سېپى سۇنغان ياكى كالتە:[مىسال:] بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىدن بىر يانتاقچى بوۋاي چولاق كەتمەننى ئېلىپ ئۇلارغا سالام قىلىپ ئۆتۈپتۇ.[يەشمىسى:] ④ بىر قىسمى ئۆرۈلگەن ياكى كەمتۈك:[مىسال:] مۇنداق چاغلاردا بىر قەدەم ئالغا سىلجىش، بىر چولاق تامنى ئىشغال قىلىش چوڭ غەلىبە ھېسابلىناتتى.

چولانماق

  • چولانماق[يەشمىسى:] «چولىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چولپان

  • چولپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بىرى. ئۇ يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بولۇپ، قۇياشتىن ھېسابلىغاندا ئىككىنچى پلانېتا (يۇلتۇز) دۇر؛ زۆھرە، ۋېنېرا.[يەشمىسى:] ② تەنتەربىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە، ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىش ئارقىلىق داڭ چىقارغان شەخس:[مىسال:] كىنو چولپىنى. توپ چولپىنى.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.[يەشمىسى:] ④ يېڭىسار ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

چولتا

  • چولتا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قىسقا:[مىسال:] كەكىنىڭ سېپى سەل چولتا بولۇپ قاپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تولۇق ئەمەس، كەم، يېرىم-يارتا، چالا:[مىسال:] چولتا قاراش.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ناكار، ئەيىبناق:[مىسال:] جاراھەتنىڭ ئوڭلانغىنىغا خېلى بولدى. بىراق، چولتا ئادەم بولۇپ قالدىم.

چولتوك

  • چولتوك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇغا تاش ياكى چالما چۈشكەندە ياكى سۇ ئۈزۈپ پۇتنى ھەركەتلەندۈرگەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ئابدۇرۇسۇل ئاتقان تاش توختىگۈلنىڭ كۆز ئالدىدىلا سۇغا «چولتوك» قىلىپ چۆكۈپ كەتتى.

چولتوككىدە

  • چولتوككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چولتوك» قىلىپ، «چولتوك» قىلغان ھالدا:[مىسال:] سەمەرجان چولتوككىدە كۆلگە چۈشۈپ كەتتى.

چولتوكلاتماق

  • چولتوكلاتماق[يەشمىسى:] «چولتوكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بالا بىر پۇتىدا ھەدەپ سۇنى چولتوكلاتماقتا ئىدى.

چولتوكلىتىشماق

  • چولتوكلىتىشماق[يەشمىسى:] «چولتوكلاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چولتوكلىماق

  • چولتوكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چولتوك» قىلغان ئاۋاز چىقماق، چولتوك ئەتمەك:[مىسال:] ھېلىدىن-ھېلىغا بېلىقلارنىڭ چولتوكلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالاتتى.

چولتىلىق

  • چولتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىسقىلىق؛ كەم، چولتا ھالەت:[مىسال:] ئوغلۇمنىڭ ئەقلى ئالدىدا، مېنىڭ ئەقلىم چولتىلىق قىلىپ قالدى.

چولىماق

  • چولىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەختنىڭ قىرغىقى ياكى يىرتىق جايىنى تورلاپ، يۆمەپ تىكمەك:[مىسال:] ھېزىم ئاكا توۋرىنىڭ چۆرىسىنى سىم بىلەن چولىدى.

چوم

  • چوم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگىگە توقۇيدىغان توقۇم؛ ئۇچىلىق:[مىسال:] چوم تىكمەك.

چوماق

  • چوماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دەرەخ غولىنىڭ پۇتاقلىق جايى، قىسمى:[مىسال:] بۇ دەرەخنىڭ چومىقى بەك جىق ئىكەن.[يەشمىسى:] ② ئۇچىدا پۇتىقى بار ياغاچتىن كېسىلگەن كالتەك؛ ئۇچى ئەگرى تاياق:[مىسال:] تەلۋىگە چوماق تۇتقۇزما (ماقال).

چوماقچى

  • چوماقچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چوماق تۇتقان ئادەم:[مىسال:] ئاسىم تۇيۇقسىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ چوماقچىلار ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەيۋە قىلىدىغان، تاياق كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان كىشى؛ قولچوماق:[مىسال:] توختى بوۋاينىڭ ياسىن قازى چوماقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇلىشىدا ئىمامنىڭمۇ قولى بار ئىدى.

چوماقچىلىق

  • چوماقچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلار ئۈچۈن قولچوماق بولۇش ھەرىكىتى.

چوماقلاتماق

  • چوماقلاتماق[يەشمىسى:] «چوماقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چوماقلاشماق

  • چوماقلاشماق[يەشمىسى:] «چوماقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چوماقلانماق

  • چوماقلانماق[يەشمىسى:] «چوماقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چوماقلىق

  • چوماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چومىقى بار، چومىقى تولا:[مىسال:] چوماقلىق ياغاچ. چوماقلىق تاياق.

چوماقلىماق

  • چوماقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوماق بىلەن ئۇرماق؛ كالتەكلىمەك، دۇمبالىماق.

چومچى

  • چومچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوم تىكىدىغان ئۇستا.

چومچىلىق

  • چومچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چوم تىكىش كەسپى.

چوملۇق

  • چوملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چومى بار، چوم توقۇلغان:[مىسال:] چوملۇق تۆگە.[يەشمىسى:] ② چوم ئۈچۈن تەييارلانغان، چوم بولىدىغان:[مىسال:] چوملۇق كىگىز. چوملۇق پالاس.

چون

  • چون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جۇۋاز ئوقىنىڭ يۇقىرى ئۇچىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىندىككە بېكىتىلىدىغان ساپلىق ياغاچ.

چوناق

  • چوناق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قۇلىقى كېسىلگەن، قۇلىقى يوق:[مىسال:] ئۇ شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا بىر قۇلىقىدىن ئايرىلىپ چوناق بولۇپ قالغانىدى.

چويلا

  • چويلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىنچىكە چىۋىق ياكى سىمدىن ئاراش قويۇپ توقۇلغان، قازاندىن چۆپ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى سۈزۈپ ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان:[مىسال:] سىم چويلا.[يەشمىسى:] ② ئۇزۇن تۇتقۇچلۇق تور پالاق:[مىسال:] چويلا توپ.[يەشمىسى:] ③ كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ چۆرنىكىنى ماڭغۇزۇپ بېرىدىغان يېرىم ئاي شەكىللىك سايمىنى.

چويلىدا توختايدىغان

  • چويلىدا توختايدىغان[يەشمىسى:] قىممىتى بار، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، ئەرزىگۈدەك:[مىسال:] بۇ خېلى چويلىدا توختايدىغان ئاخبارات ئىكەن.

چويلىچىلىق

  • چويلىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چويلا توقۇش ۋە سېتىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] قىرىق ھۈنەر-ھۈنەر ئەمەس، ئەسلىي ھۈنەر-چويلىچىلىق (ماقال).

چويۇن

  • چويۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>سانائەت<[يەشمىسى:] تۆمۈر رودىسىنى ئېرىتىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان قېتىشما. تەركىبىدىكى كاربون مىقدارى 5.4 7.1 ئارىلىقىدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فوسفور، گۈڭگۈرت، سىلتسىي قاتارلىقلارمۇ ئارىلاش كېلىدۇ. چۈرۈك كېلىدۇ، پرېسلىغىلى بولمايدۇ. پولات تاۋلاش ۋە قۇيمىچىلىقتا خام ئەشيا قىلىنىدۇ.

چۇⅠ

  • چۇⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىمار ئوينىغاندا، ئوشۇقنىڭ يۈزى (ئوڭ تەرىپى) يەرگە تېگىپ، تاپان تەرىپى ئۈستىگە چىققان ھالىتى. بۇ ھالەت قىمار ئويۇنىدا ئوتتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] چۇ چۈشمەك.

چۇⅡ

  • چۇⅡ[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ① سوئال يۈكلىمىسى بولۇپ: [يەشمىسى:] 1) جۈملىنىڭ خەۋەردىن باشقا نۇقتىلىق بۆلىكىگە قوشۇلۇپ، شۇ جۈملىنىڭ سوئاللىق خەۋىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ:[مىسال:] تۇرسۇن كەلدى. قادىرچۇ مەن بۇ قېتىم بارمايمەن، كېيىنچۇ[يەشمىسى:] 2)پەرەز بېقىندى جۈملىگە قوشۇلۇپ، سوئاللىق باش جۈملىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ:[مىسال:] چۈشتىن كېيىن كەلسىڭىز، شۇ ۋاقىتتا سۆزلەشسەك. چۈشتىن كېيىن كېلەلمىسەمچۇ[يەشمىسى:] 3)پېئىلنىڭ بەزى بولۇشسىز رەۋىشداش شەكلىگە قوشۇلۇپ، شۇ رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەنتىڭ بولماسلىقىغا نېمە ئاساس بار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] سىزمۇ كۆرەمسىز كۆرمەيچۇ[يەشمىسى:] ② ئاڭلىغۇچىغا بىر ئىشنى چۈشەندۈرۈشتە، جۈملىنىڭ نۇقتا قىلىنغان بۆلىكىگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ:[مىسال:] مەنچۇ، ئەتە ئۇ يەرگە بارالمايمەن.[يەشمىسى:] ③ سۈپەتنىڭ «-لىق، -لىك، -لۇق، -لۈك» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىم شەكلىگە ۋە پېئىلىنىڭ ھاللىق ئىسىمداش شەكىللىرىگە قوشۇلۇپ، بىر خىل ئۈستلىمە ئۈندەش جۈملە ھاسىل بولىدۇ:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى ياخشى بالا، ئۆتكۈرلۈكىچۇ تېخى.[يەشمىسى:] ④ پېئىلنىڭ بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىدىكى خەۋەر شەكلىگە قوشۇلۇپ:[يەشمىسى:] 1)مەسلىھەت، يېقىنلىق، ئامراقلىق تەرزلىرىنى بىلدۈرىدۇ؛ بىرىنچى شەخسنىڭ بىرلىكىدە شۇ ئىشنىڭ يېڭى ئەسكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن:[مىسال:] بىكار تۇرغۇچە كىتاب كۆرەيچۇ.[يەشمىسى:] 2) شۇ ھەرىكەتنىڭ بولۇشىنى كۈتۈش مەنىسىنى كۈچەيتىدۇ:[مىسال:] قېنى. سۆزلەپ باقسۇنچۇ، ئاندىن كۆرىمىز. 3) سىناق تۈس شەكلىدىكى پېئىللارنىڭ بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىدىكى خەۋەر شەكلىگە قوشۇلغاندا، بۇ ھەرىكەتتىن كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك، يامان ئاقىۋەتكە قېلىش تەرزلىرىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن:[مىسال:] يامان بولساڭ، بىزنى بۇ يولدىن قايتۇرۇپ باقچۇ.[يەشمىسى:] ⑤ پېئىلنىڭ پەرەز-قارشىلىق مەيلىدىكى خەۋەر شەكىللىرىگە قوشۇلۇپ، پېئىلنىڭ يالۋۇرۇش رايى، ئەپسۇس رايى شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.:[مىسال:] يولداشلار، بىر دەم جىم تۇرساڭلارچۇ.

چۇپان

  • چۇپان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پادىچى:[مىسال:] چۇپاننىڭ كەكە ساقىلى چارلىشىپ قالغانلىقىغا قارىماي، يۈزى ياشلارنىڭكىدەك قىپقىزىل ئىدى.

چۇپۇر

  • چۇپۇر[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆچكە، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ يىرىك يۇڭى؛ قىلچىق، موي:[مىسال:] قوشنىسى ئۆچكە چۇپۇرىدا ئىس سېلىپ، كۆكپىت چېقىۋالغان باينى قۇتقۇزماقچى بوپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يىرىك، چىڭگىلەك؛ غۇژمەك:[مىسال:] چۇپۇر باش. چۇپۇر قاش.چۇپۇرشاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، قان توختىتىش، تولغاقنى توختىتىش رولىغا ئىگە.

چۇپۇرلۇق

  • چۇپۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە يېرىنى چۇپۇر قاپلىغان، چۇپۇر باسقان.

چوتۇر

  • چوتۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلان؛ مەقسەت:[مىسال:] ئۇنىڭ قورسىقىدا چوتۇرى بار.

چوتۇرچى.

  • چوتۇرچى.[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىلانچى.

چۇچا

  • چۇچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىگىز، گىلەم ياكى خۇرجۇن قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىغا ياكى مەلۇم جايىغا قويۇلغان يىپ ياكى يۇڭ تالاسى؛ پۆپۈك:[مىسال:] چۇچا چىقارماق. چۇچا بېكىتمەك.

چۇچاق

  • چۇچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] بالىلار سۆزى.[يەشمىسى:] ئوغۇل بالىنىڭ تاناسىل ئەزاسى.

چۇچىلا

  • چۇچىلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چالا كۆيگەن ئوتۇن:[مىسال:] چۇچىلا بولماق. چۇچىلا قىلماق.

چۇچىلىق

  • چۇچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۇچىسى بار، چۇچا قويۇلغان:[مىسال:] چۇچىلىق داستىخان. چۇچىلىق ياغلىق.

چۇخەي

  • چۇخەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] يۈزى برېزېنتتىن، ئاستى كاۋچۇكتىن ئىشلەنگەن ئاياغ كىيىمى.

چۇخچىلاتماق

  • چۇخچىلاتماق[يەشمىسى:] «چۇخچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۇخچىلاشماق

  • چۇخچىلاشماق[يەشمىسى:] «چۇخچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۇخچىلانماق

  • چۇخچىلانماق[يەشمىسى:] «چۇخچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چۇخچىلىماق

  • چۇخچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوقۇپ، ئۇ يان-بۇ يان ئۆرۈمەك؛ ئاغدۇرماق، كوچىلىماق، مالتىلىماق:[مىسال:] مەن كۆسەي بىلەن تونۇردىكى ئوتنى چۇخچىلىدىم.

چۇر

  • چۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ سايرىشىدىن چىققان ياكى شۇنىڭغا تەقلىد قىلىنغان ئاۋاز:[مىسال:] تاڭ سەھەرنىڭ سۈزۈك ئاسمىنىدا تورغايلار بەس-بەستە «چۇر» قىلىپ سايرىشاتتى.

چۇرچۇق

  • چۇرچۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۇلغۇننىڭ چېچەك پۆپۈكى.

چۇرچىلىق

  • چۇرچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قوموشنىڭ ئورۇۋېلىنغاندىن كېيىنكى قالغان كۆتەك قىسمى.

چۇررىدە

  • چۇررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چۇر» قىلىپ، «چۇر» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئۇۋىدىكى قۇشقاچ بالىلىرى ئانا قۇشقاچنىڭ دان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سېزىپ، چۇررىدە سايرىشىپ كەتتى.

چۇرقا

  • چۇرقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قۇرۇپ، سۇنۇپ يەرگە چۈشۈپ، بېسىلىپ كەتكەن ئوتۇن-ياغاچ ۋە چۆپلەرنىڭ ئۇۋاقلىرى.

چۇرقىراتماق

  • چۇرقىراتماق[يەشمىسى:] «چۇرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۇرقىراشماق

  • چۇرقىراشماق[يەشمىسى:] «چۇرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار: غەيرەت قىل، سالە، سال دەپ چۇرقىراشتى.

چۇرقىرىماق

  • چۇرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چۇر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «چۇر» قىلىپ توۋلىماق، ۋارقىرىماق:[مىسال:] بالا بۇ سۆزنىڭ تېگى-تەكتىنى چۈشەنمەي، خۇشال بولۇپ چۇرقىرىدى.

چۇرۇق

  • چۇرۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشقاچلارنىڭ سايرىشىدىن چىققان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋاز:[مىسال:] بىراق ئۆيدىن، ھويلىدىن «چۇرۇق» قىلغان ئاۋازمۇ چىقمىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سېغىز لايدىن پىشۇرۇپ ياسالغان «چۇر-چۇر» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان پۈشتەك.

چۇرۇق-چۇرۇق

  • چۇرۇق-چۇرۇق[يەشمىسى:] «چۇرۇق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] چۇرۇق-چۇرۇق قىلىپ سايرىماق.

چۇرۇقلاتماق

  • چۇرۇقلاتماق[يەشمىسى:] «چۇرۇقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۇرۇقلاشماق

  • چۇرۇقلاشماق[يەشمىسى:] «چۇرۇقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سەھەر قۇياشىنىڭ نۇرىغا پۈركەنگەن گۈزەل جىلغىدا، قۇشلار شوخ چۇرۇقلىشىشقا باشلىدى.

چۇرۇقلىماق

  • چۇرۇقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چۇرۇق-چۇرۇق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، سايرىماق:[مىسال:] ئاق قۇشقاچ چۇرۇقلايدۇ، چاڭگىسىنى تاپالماي، تالىپ بالىلار يىغلايدۇ، داموللامنى تاپالماي.

چۇرۇلداتماق

  • چۇرۇلداتماق[يەشمىسى:] «چۇرۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۇرۇلداشماق

  • چۇرۇلداشماق[يەشمىسى:] «چۇرۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار ئەمدى ئويۇن قىزىيدىغان بولدى دېگەن ئوي بىلەن چاۋاك چېلىشىپ، قۇشقاچتەك چۇرۇلدىشىپ كەتتى.

چۇرۇلدىماق

  • چۇرۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چۇر-چۇر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «چۇر-چۇر» قىلماق، چۇرۇقلىماق:[مىسال:] سۇ بويىدا بىر توپ بالىلار شۇ ئاي يۈزلۈك قىزنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، چۇرۇلداپ ئوينىغان چاغلىرىنى يادىغا سالاتتى.

چۇس

  • چۇس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ئاسان خاپا بولىدىغان، ئوڭاي تېرىكىدىغان؛ يەڭگىل:[مىسال:] چۇس ئادەم. چۇس مىجەز.

چۇسا

  • چۇسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنى ياپىلاق، جىگەر رەڭ بولۇپ، قورسىقى چوڭ كېلىدۇ؛ تېنىدا سېسىق بېزى بولىدۇ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شورايدۇ:[مىسال:] چۇسا چاقماق.

چۇسلاشماق

  • چۇسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چۇس ھالەتكە كەلمەك، سەپرالاشماق، تەرسالاشماق:[مىسال:] سىدىق ئۇستامنىڭ مىجەزى چۇسلىشىپ قالدى.

چۇسلۇق

  • چۇسلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەڭگىللىك ئالدىراڭغۇلۇق:[مىسال:] چۇسلۇق قىلماق.  ئاپام مىجەزىمدىكى كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان بۇ چۇسلۇققا ھەيران بولۇپ جىمىپ قالدى.

چۇغلۇق

  • چۇغلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. تۈگۈنەك يىلتىزى دورا بولىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەيز كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە.

چۇغۇندان

  • چۇغۇندان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ. بەلغەم بوشىتىش، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش، ئۆپكىنى تازىلاش رولىغا ئىگە.

چۇغۇندەك

  • چۇغۇندەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. بېشى ۋە تۇمشۇقى تەكشى ياپىلاق كېلىدۇ، تۇمشۇقى ئۈچ بۇرجەك بولۇپ، جىيەكلىرىدە ئۇششاق تۈكلىرى بولىدۇ؛ كېچىدە ھەرىكەت قىلىپ، ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ.

چۇقا

  • چۇقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چۇقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ؛ يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، يۈرەكنى كۈچەيتىش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، ياللۇغلىنىشنى توسۇش رولىغا ئىگە.

چۇقاتماق

  • چۇقاتماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەرەخ شاخلىرىنىڭ كېسىلگەن، سۇنغاندىن كېيىن قالغان ئاچىماق قىسمى؛ پۇتاق.

چۇقان

  • چۇقان [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ]ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋاز؛ سۈرەن : [مىسال:] چۇقان سالماق . چۇقان كۆتۈرمەك .

چۇقانچى

  • چۇقانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۇقان سالىدىغان ئادەم.

چۇقان-سۈرەن

  • چۇقان-سۈرەن[يەشمىسى:] ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلغان خىلمۇخىل قالايمىقان ئاۋاز؛ ۋاراڭ-چۇرۇڭ.

چۇقانلىق

  • چۇقانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۇقان سېلىنغان، چۇقان كۆتۈرۈلگەن، چۇقان-سۈرەن چىققان:[مىسال:] قالدى شوخ، چۇقانلىق بالىلىق ھايات، يىگىتلىك يولىغا سالغىنىمدا ئات.

چۇقۇق

  • چۇقۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سېرىق ئەت يىرتىقى.

چۇك

  • چۇك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چۈجىلەرنىڭ سايرىشىدىن چىققان ئاۋاز.

چۇك-چۇك

  • چۇك-چۇك[يەشمىسى:] «چۇك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

چۇك-چۇك كېسەل

  • چۇك-چۇك كېسەل[يەشمىسى:] ئاغرىغاندا «چۇك-چۇك» ئاۋاز چىقىرىدىغان پورداق كېسىلى.

چۇكچۇكⅠ

  • چۇكچۇكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۆدۈنە تۇتۇش ئەسۋابى.

چۇكچۇكⅡ

  • چۇكچۇكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىكىش ماشىنىسىنىڭ يىپ تارتىدىغان سايمىنى.

چۇكۇلداتماق

  • چۇكۇلداتماق[يەشمىسى:] «چۇكۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا توخو بىر توپ چۈجىسىنى چۇكۇلداتقىنىچە ئەگەشتۈرۈپ، دان ئىزدىمەكتە ئىدى.

چۇكۇلداشماق

  • چۇكۇلداشماق[يەشمىسى:] «چۇكۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۇكۇلدىماق

  • چۇكۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چۇك-چۇك» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «چۇك-چۇك» قىلماق:[مىسال:] سا چۈجىنىڭ چۇكۇلدىغىنىغا خوش(ماقال).

چۇڭ

  • چۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يىراقتىن قۇلاققا ئاڭلانغان ئىنچىكە ۋە جاراڭلىق ئاۋاز.

چۇڭ-چۇڭ

  • چۇڭ-چۇڭ[يەشمىسى:] «چۇڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

چۇڭۇلداتماق

  • چۇڭۇلداتماق[يەشمىسى:] «چۇڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۇڭۇلداشماق

  • چۇڭۇلداشماق[يەشمىسى:] «چۇڭۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۇڭۇلدىماق

  • چۇڭۇلدىماق[يەشمىسى:] «چۇڭ-چۇڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «چۇڭ-چۇڭ» قىلماق.

چۇل-چۇل

  • چۇل-چۇل[يەشمىسى:] پارچە-پارچە، كۈكۈم-تالقان، كۇمپەيكۇم:[مىسال:] چۇل-چۇل بولماق.

چۇلدا

  • چۇلدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەكە، پالتا، بولقا، كەتمەن قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ كەينى تەرىپى.

چۇلدۇر

  • چۇلدۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ سايرىشىدىن چىققان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.

چۇلدۇرلاشماق

  • چۇلدۇرلاشماق[يەشمىسى:] «چۇلدۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كەچ بولغاندا بۇ ئىككى بالا چۇلدۇرلىشىپ ئۆينى بىر ئالدى.

چۇلدۇرلىماق

  • چۇلدۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئىنچىكە، ئۈنلۈك قىلىپ، توختىماي سۆزلىمەك، زىل ئاۋاز بىلەن ئىتتىك سۆزلىمەك:[مىسال:] توپنىڭ ئىچىدىكى ئاق يۈزلۈك ئايال چۇلدۇرلاپ سۆزلەيتتى.

چۇلدىلىق

  • چۇلدىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۇلدىسى بار، چۇلدا چىقىرىپ ياسالغان:[مىسال:] مامۇتنىڭ قولىدا ياپىلاق چۇلدىلىق پۇچۇق كەتمەن بار ئىدى.

چۇلغاتماق

  • چۇلغاتماق[يەشمىسى:] «چۇلغىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۇلغاشماق

  • چۇلغاشماق[يەشمىسى:] «چۇلغىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۇلغانماق

  • چۇلغانماق[يەشمىسى:] «چۇلغىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چۇلغىماق

  • چۇلغىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① قاپلىماق، پۈركىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىگىلىمەك، بەند قىلماق، چىرمىماق، ئورىماق:[مىسال:] تاشۋاي ئارتۇق چىداپ تۇرالمىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى پىغان چۇلغىۋالغانىدى.

چۇلۇقⅠ

  • چۇلۇقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېتى پىشىپ، ئىزىلىپ كەتكەن:[مىسال:] بۇ تاۋۇز چۇلۇق بولۇپ قاپتۇ.

چۇلۇقⅡ

  • چۇلۇقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىچىدە سۇيۇقلۇق بولغان نەرسىلەرنى سىلكىگەندە ئىچىدىن ئاڭلانغان ئاۋاز.

چۇلۋۇر

  • چۇلۋۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۇلاغنىڭ نوختا ۋە يۈگىنىگە بېكىتىلگەن، ئۇلاغنى يېتىلەش ۋە باغلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تانا.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنىڭ باشقۇرۇلۇشى، ئىختىيارى، ئەركىنلىكى، تەقدىرى:[مىسال:] ئۇنىڭ چۇلۋۇرى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇشۇبىڭنىڭ قولىدا ئىدى.

چۇلۋۇرلۇق

  • چۇلۋۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چۇلۋۇرى بار، چۇلۋۇر بېكىتىلگەن:[مىسال:] چۇلۋۇرلۇق ئېشەك. چۇلۋۇرلۇق ئات.[يەشمىسى:] ② چۇلۋۇر قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان، چۇلۋۇر قىلىشقا لايىق:[مىسال:] چۇلۋۇرلۇق تانا. چۇلۋۇرلۇق تاسما.

چۇما

  • چۇما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل. بۇنى چۇما تاياقچە باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چاشقان، توشقان ۋە سۇغۇر قاتارلىق غاجىلىغۇچى ھايۋانلار بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىن، بۈرگە ئارقىلىق ئادەمگە يۇقىدۇ. كېسەل ئالامەتلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن بەز چۇماسى، ئۆپكە چۇماسى ۋە سېپىتسېمىيە تىپىدىكى چۇما دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.

چۇمۇل

  • چۇمۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ ⅩⅠئەسىردىكى قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

چۇھ

  • چۇھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] كالا، ئات، تۆگىلەرنى مېڭىشقا ئۈندەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆز:[مىسال:] ئۇ «چۇھ» دەپ ئاتقا بىر قامچا سېلىۋىدى، ئات كوچىنىڭ شەرقىگە قاراپ ئىتتىك مېڭىپ كەتتى.

چۇۋاش

  • چۇۋاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە ياكى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. چۇۋاش مىللىتى رۇسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ چۇۋاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدۇ.

چۇۋاشچە

  • چۇۋاشچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۇۋاشلارغا، چۇۋاش خەلقىگە، چۇۋاش تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە خاس بولغان:[مىسال:] چۇۋاشچە كىيىم. چۇۋاشچە ناخشا. چۇۋاشچە ئۇسسۇل.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۇۋاش تىلى ۋە يېزىقى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] چۇۋاش تىلى ياكى يېزىقىنى ئىشلىتىپ، چۇۋاش تىلى ياكى يېزىقىدا:[مىسال:] چۇۋاشچە سۆزلىمەك.

چۇۋالچاق

  • چۇۋالچاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باش-ئايىغى يوق، رەتسىز، قالايمىقان:[مىسال:] چۇۋالچاق ئىش. چۇۋالچاق پىكىر.

چۇۋالچاقلاشتۇرماق

  • چۇۋالچاقلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «چۇۋالچاقلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رەيھانەم چوڭ يىغىننىڭ كەيپىياتىنى قوچۇپ، چۇۋالچاقلاشتۇرۇپ باشقا تەرەپكە بۇرىماقچى بولغان ئۇرۇنۇشلارنى كۆرۈپ، بايقاپ ئولتۇراتتى.

چۇۋالچاقلاشماق

  • چۇۋالچاقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] رەتسىز، چېچىلاڭغۇ، قالايمىقان ھالەتكە كەلمەك.

چۇۋالچاقلىق

  • چۇۋالچاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۇۋالچاق ھالەت ياكى ئەھۋال.

چۇۋۇتماق

  • چۇۋۇتماق[يەشمىسى:] «چۇۋۇماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۇۋۇر

  • چۇۋۇر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئۇچار قۇشلارنىڭ سايرىشىدىن چىققان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.

چۇۋۇر-چۇۋۇر

  • چۇۋۇر-چۇۋۇر[يەشمىسى:] «چۇۋۇر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

چۇۋۇرلاتماق

  • چۇۋۇرلاتماق[يەشمىسى:] «چۇۋۇرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۇۋۇرلاشماق

  • چۇۋۇرلاشماق[يەشمىسى:] «چۇۋۇرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى قوللاپ، چۇۋۇرلىشىپ كېتىشتى.

چۇۋۇرلىماق

  • چۇۋۇرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چۇۋۇر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق؛ ئىتتىك-ئىتتىك سۆزلىمەك، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماق:[مىسال:] بالىلار مۇئەللىمنى كۆرۈپ چۇۋۇرلاشتىن توختاپ، كىيىملىرىنى كىيىشكە باشلىدى.

چۇۋۇشماق

  • چۇۋۇشماق[يەشمىسى:] «چۇۋۇماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۇۋۇق

  • چۇۋۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۇۋۇلغان، تىتىلغان، بۇزۇلغان، چېچىق:[مىسال:] چۇۋۇق بورا. چۇۋۇق سېۋەت. چۇۋۇق باغ.

چۇۋۇلماق

  • چۇۋۇلماق[يەشمىسى:] «چۇۋۇماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ھېلىقى بوغالتىرنى قانداق قىلىمىز ئۇنىڭ ھېساباتىنى ئاچسىلا، ئىش چۇۋۇلىدۇ.

چۇۋۇماق

  • چۇۋۇماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] توقۇلغان، تېڭىلغان، غۇژمەك، رەتلىك بىر پۈتۈن نەرسىنى تىتىپ بۇزماق، پارچە-پارچە قىلماق، چۇۋۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] بوپىنى چۇۋۇماق. ئۆينى چۇۋۇماق. چاچنى چۇۋۇماق.

چۆپⅠ

  • چۆپⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلاغ يەيدىغان ئوت:[مىسال:] ئۇ ئاتلارغا چۆپ تاشلاپ بەردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتتىق ھۆل، نەم:[مىسال:] چۆپ بولۇپ كەتمەك.

چۆپⅡ

  • چۆپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نېپىز يېيىلىپ، ھەر خىل شەكىلدە كېسىلگەن خېمىر:[مىسال:] قازانغا چۆپ سالماق. چۆپ سۈزمەك.[يەشمىسى:] ② ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئۇ ئۇششاق توغرالغان پىششىق گۆش، سۇدا پىشۇرۇلغان چۆپ، يالپاقلاپ توغرالغان پىياز، مەلۇم مىقداردىكى قارىمۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە گۆشنىڭ شورپىسىنى قۇيۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.

چۆپ-چۆپ

  • چۆپ-چۆپ[يەشمىسى:] سۇغا چىلىغاندەك، قاتتىق ھۆل، چىلىق-چىلىق:[مىسال:] ئۇ تۆشۈكنى لاي بىلەن ئېتىپ، چۆپ-چۆپ ھۆل بولۇپ پەسكە چۈشتى.

چۆپچۈل

  • چۆپچۈل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاددىي، قاتتىق-قۇرۇق، غورىگىل:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئولتۇرۇشى ناھايىتى چۆپچۈل ئاخىرلاشتى.

چۆپخاناⅠ

  • چۆپخاناⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوت-سامان، ئوت-خەس ساقلىنىدىغان ئورۇن؛ ئوتخانا، سامانلىق.

چۆپخاناⅡ

  • چۆپخاناⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۆپ كېسىدىغان ۋە ساتىدىغان ئورۇن.

چۆپسىز

  • چۆپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چۆپ ئۈنمىگەن، تاتىراڭ، گىياھسىز:[مىسال:] چۆپسىز جاي. چۆپسىز دالا.[يەشمىسى:] ② چۆپى يوق، چۆپ بېرىلمىگەن، چۆپى تۈگىگەن:[مىسال:] چۆپسىز مال بولماس، پۇلسىز تىجارەت بولماس(ماقال).

چۆپقەت

  • چۆپقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۈنەر-كەسىپ، سودا-سېتىق قاتارلىقلاردا دائىم ئېلىم-بېرىم قىلىپ تۇرغان كىشى، دائىملىق خېرىدار؛ يېقىن كىشى:[مىسال:] چۆپقەت تۇتماق.  ئاپا، ئۇ بىزنىڭ كونا چۆپقىتىمىز. ناھايىتى ياخشى قىز.

چۆپقەتچىلىك

  • چۆپقەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۈنەر كەسىپ، سودا-سېتىق قاتارلىقلاردا دائىم ئېلىم-بېرىم قىلىش مۇناسىۋىتى:[مىسال:] بىزنىڭ ئۇلار بىلەن چۆپقەتچىلىكىمىز بار.

چۆپقەتسىز

  • چۆپقەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۆپقىتى يوق، چۆپقەت تۇتمىغان:[مىسال:] ساتىراش سىلىق ھۈنەر قىلمىسا، چۆپقەتسىز قالىدۇ.

چۆپقەتلىك

  • چۆپقەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۆپقىتى بار، چۆپقىتى كۆپ، خېرىدارلىق:[مىسال:] چۆپقەتلىك كاسىپ. چۆپقەتلىك تىجارەت.

چۆپلۈك

  • چۆپلۈك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۆپى بار، چۆپ ئۆسكەن:[مىسال:] چۆپلۈك يەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۆپ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] سېرىق تۈلكە ئارقىسىغا قاراپ چاپتى-دە، بىر چۆپلۈك ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

چۆچەكⅠ

  • چۆچەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى فانتازىيىلىك ئاساستا كۈلكىلىك ۋە قىزىقارلىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاغزاكى ھېكايە:[مىسال:] چۆچەك ئاڭلىماق.

چۆچەكⅡ

  • چۆچەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياغاچتىن ئويۇپ ياسالغان چىنە:[مىسال:] بىر چۆچەك قېتىق.  ئات ھېرىپ قالسا، بىر پىچاق. ئېشەك ھېرىپ قالسا، بىر چۆچەك قوناق(ماقال).

چۆچۈتمەك

  • چۆچۈتمەك[يەشمىسى:] «چۆچۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شار-شۇر قىلىپ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ساجىدەمنى چۆچۈتۈۋەتتى.

چۆچۈرە

  • چۆچۈرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ نېپىز يېيىلغان خېمىرنىڭ ئىچىگە قىيما سېلىپ، تۈگۈپ ئېتىدىغان بىر خىل تامىقى:[مىسال:] كۆك چۆچۈرىسى. * چۆچۈرە يېمەكتىن مەقسەت، گۆش يېمەكتۇر(ماقال).

چۆچۈرىچى

  • چۆچۈرىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۆچۈرە ئېتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئادەم:[مىسال:] ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كىشىلەر ئارىسىدا «رىزىۋانخان چۆچۈرىچى» دەپ داڭ چىقارغانىدى.

چۆچۈرىخانا

  • چۆچۈرىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەخسۇس چۆچۈرە ساتىدىغان ئاشخانا:[مىسال:] لەتىپە ئاز-تولا دەسمايىنىڭ يولىنى قىلدى-دە، شەھەرگە بېرىپ چۆچۈرىخانا ئاچتى.

چۆچۈشمەك

  • چۆچۈشمەك[يەشمىسى:] «چۆچۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] «سايىم چوڭنىڭ ئۆيىگە ئوغرى تېگىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان جامائەت بۇنىڭدىن خېلىلا چۆچۈشتى.

چۆچۈمەك

  • چۆچۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەندىكمەك، ئالاقزادە بولماق، قورقماق:[مىسال:] ئۇ جەزمەن ئۆزىنىڭ بىكاردىن-بىكارغا گاڭگىراش ئىچىدە ئىسراپ قىلىۋەتكەن بىر قىسىم ھاياتىنى بايقىغاندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈيدۇ.[يەشمىسى:] ② پۇت، قول قاتارلىقلارغا بىرنەرسە قاتتىق تەگكەنلىكتىن زىڭىلداپ ئاغرىماق، سىلكىنمەك:[مىسال:] پېيى چۆچۈپ كەتمەك. پۇتى چۆچۈپ كەتمەك.

چۆرەⅠ

  • چۆرەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نۇقتا قىلىنغان جاينىڭ يېقىن تەرەپلىرى؛ ئەتراپى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇشقان كىشىلەر توختىگۈل بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشتى.

چۆرەⅡ

  • چۆرەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سېتىۋېلىنغان ئايال قۇل؛ چاكار قىز، دېدەك:[مىسال:] شاھ ئارمانۇس چۆرىلىرىدىن مەلىكە ھاياتوننۇپۇسنىڭ ئېرى بىلەن قوشۇلغانلغىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلى تىنىپتۇ.

چۆرنەك

  • چۆرنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىكىش ماشىنىسى تاقىسىنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلىپ، يىپنى ئىلىپ بېرىدىغان يېرىم ئاي شەكىللىك سايمان.

چۆرۈتمەك

  • چۆرۈتمەك[يەشمىسى:] «چۆرۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۆرۈشمەك

  • چۆرۈشمەك[يەشمىسى:] «چۆرۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۆرۈلمە

  • چۆرۈلمە[مىسال:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تويدا، ئوغۇل تەرەپ قۇدىلارغا (قىز تەرەپكە) سوۋغا قىلىدىغان كىيىملىكلەر.

چۆرۈلمەك

  • چۆرۈلمەك[يەشمىسى:] ① «چۆرۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ تۈگمەن سۇ كۈچى ئارقىلىق چۆرۈلىدۇ.[يەشمىسى:] ② «چۆرۈمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئۆرۈلۈپمۇ، چۆرۈلۈپمۇ مۇشۇ بىرلا سۆزنى قىلىدۇ.

چۆرۈمەك

  • چۆرۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پىرقىراتماق، ئايلاندۇرماق:[مىسال:] ئايۇپ تېلېفوننى چۆرۈدى.[يەشمىسى:] ② ئەتراپنى قورشىماق:[مىسال:] دېھقان ئاز كۈندىلا بىر مولۇق باغنىڭ ئەتراپىغا تام چۆرۈپ بولدى.[يەشمىسى:] ③ ئورىماق، يۆگىمەك:[مىسال:] موكىغا يىپ چۆرۈمەك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇرماق، ياسىماق، ماڭدۇرماق:[مىسال:] بۇ يەرنى چاناپ، ئۆستەڭ ئېلىپ، تۈگمەن چۆرۈيمىز.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] راۋان باشقۇرماق، يېتەكلىمەك، يۈرۈشتۈرمەك، يولغا سالماق:[مىسال:] پۈتۈن يېزىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشىنى چۆرۈپ كېلىۋاتقان چەبدەس يىگىت بۈگۈن بۇ جىمجىت ئۆيدە يالغۇز ياتىدۇ.

چۆرۈۋەتمەك

  • چۆرۈۋەتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]چۆرۈپ+ئەتمەك[[يەشمىسى:] ① چۆرۈپ تاشلىماق، تاشلىۋەتمەك؛ بىكار قىلماق، ئېلىپ تاشلىماق:[مىسال:] مەن سۈپۈرگە سېپىنى چۆرۈۋېتىپ، قېچىپ قۇتۇلدۇم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋاز كەچمەك، يۈز ئۆرۈمەك:[مىسال:] گۈلچىمەن ئالىي مەكتەپ، غايە، ئىستىقبال دېگەنلەرنى چۆرۈۋېتىپ، پۈتۈن ئۈمىدىنى ئاشۇ مۇئەللىمگە بېغىشلاپ، بەختتىن يىغلىغانىكەن.

چۆرىپۇرۇش

  • چۆرىپۇرۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇل قىزلارنى ئېلىپ ساتىدىغان ئادەم سودىگىرى:[مىسال:] ھاتەم بىركۈنى ئادىتى بويىچە چۆرىپۇرۇشلار رەستىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇ يەردە قىزى بىلەن ئولتۇرغان بىر چۆرىنى كۆرۈپ قېلىپتۇ.

چۆرىدەتمەك

  • چۆرىدەتمەك[يەشمىسى:] «چۆرىدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۆرىدەشمەك

  • چۆرىدەشمەك[يەشمىسى:] «چۆرىدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلارنىڭ بەزىلىرى گۈرجەك، كەتمەننىڭ دەستىسىگە تايىنىپ، چۆرىدىشىپ تۇرۇشاتتى.

چۆرىدەلمەك

  • چۆرىدەلمەك[يەشمىسى:] «چۆرىدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چۆرىدىمەك

  • چۆرىدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەتراپىنى قورشىماق، ھالقا شەكىلدە بولۇپ تۇرماق، دائىرە ھاسىل قىلماق:[مىسال:] ئۇلار چۆرىدەپ ئۆرە تۇرۇپ، جەڭ خەۋەرلىرىنى ئوقۇدى.

چۆكⅠ

  • چۆكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] تۆگىلەرنى تىزلاندۇرۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ «چۆك!» دەپ تۆگىلەرنى چۆكۈرۈشكە باشلىدى.

چۆكⅡ

  • چۆكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توغرا كېسىلگەن تاغ چوققىسى.

چۆكتۈرمە

  • چۆكتۈرمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تورنىڭ ئېتىكىنى سۇغا چۆكتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئېسىلغان ئېغىرتقۇ، كۆپىنچە قوغۇشۇن، تۆمۈرلەردىن ياسىلىدۇ.

چۆكتۈرمەك

  • چۆكتۈرمەك[يەشمىسى:] «چۆكمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار يۇقىرى قىرغاققا كېلىپ، كېمە-ساللارنى تېشىپ چۆكتۈرۈۋەتتى.

چۆكتۈرۈشمەك

  • چۆكتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «چۆكتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۆكتۈرۈلمەك

  • چۆكتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «چۆكتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇرجەكتە ئون نەچچە تۆگە چۆكتۈرۈلگەن بولۇپ، بىرنەچچە يىگىت تۆگىلەردىن تاغارلارنى چۈشۈرمەكتە.

چۆكمە

  • چۆكمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق، ئېرىتمە قاتارلىقلارنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە چۆككەن ياكى چۆكىدىغان؛ ئولتۇرۇشقان:[مىسال:] چۆكمە ساندۇق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېرىتمىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە چۆكۈپ قالغان، تەستە ئېرىيدىغان ماددىلار.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ تەركىبىدىكى قۇم، شېغىل ۋە باشقا لاي-لاتقىلارنىڭ سۇ ئاستىغا چۆكۈشى بىلەن ھاسىل بولغان ئارىلاشما ماددا، چۆكۈندى.

چۆكمەك

  • چۆكمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تىزنى پۈكۈپ ئولتۇرماق، تىزلانماق، يۈكۈنمەك:[مىسال:] تۆگە چۆكتى.[يەشمىسى:] ② ئىچىگە كىرمەك، كۆمۈلمەك، پاتماق:[مىسال:] سۇغا چۆكمەك. * ئىككى ياققا ئايرىلىپ سۇلار، سۇ ئاستىغا چۆكۈپتۇ ئۇلار.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پاتماق، كۆمۈلمەك:[مىسال:] غەمگە چۆكمەك. خىيالغا چۆكمەك.[يەشمىسى:] ④ تىنىپ تېگىگە ئولتۇرماق، تىنماق (سۇيۇقلۇقتىكى ئارىلاشما ھەققىدە).[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېقىنلاشماق، ئارىلاشماق:[مىسال:] قىسىم باشلىقلىرى دائىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا كېڭەيتتى.[يەشمىسى:] ⑥ ئولتۇرۇشماق، بېسىلماق، پەسلىمەك:[مىسال:] ئۇ يەرنىڭ بەزى جايلىرى چۆكۈپ پەسلەپ كەتكەنىدى.

چۆكۈچ

  • چۆكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چوكا.

چۆكۈرمەك

  • چۆكۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تۆۋەنلەتمەك؛ باسماق:[مىسال:] كوللېكتىپنى، ئاممىنى چۆكۈرۈپ، رەھبەرنىڭ شەخسىي رولىنى خالىغانچە كۆپتۈرۈۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.

چۆكۈش

  • چۆكۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ھۈجەيرىدىن باشقا ماددىلارنىڭ(پىگمېنت، كالتسىي قاتارلىق)ئورگانىزم توقۇلمىلىرىغا سىڭىپ، يىغىلىپ قېلىشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر يۈزىدىكى يىمىرىلىش مەھسۇلاتلىرى، ئورگانىك ماددىلار ۋە بەزى يانار تاغ ماددىلىرى تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىي ئورنىدىن باشقا ئورۇنغا، يۆتكىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى فىزىكىلىق، خىمىيىلىك تەسىرلەر تۈپەيلىدىن، ئاستىغا چۆكۈپ، دۆۋىلىنىپ قالىدىغان بىر خىل ھادىسە.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەتلەر ئۇلىنىڭ ئۆز ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن يەرگە ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى:[مىسال:] چۆكۈش چېكى.

چۆكۈشمەك

  • چۆكۈشمەك[يەشمىسى:] «چۆكمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ ئۇلار غەمگە چۆكۈشۈپتۇ.

چۆكۈندى

  • چۆكۈندى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۆكۈش ئارقىلىق ھاسىل بولغان، چۆككەن:[مىسال:] چۆكۈندى جىنس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېقىنلارنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىغاندا، سۇ تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار، قۇم-شېغىللار ۋە باشقا لاي-لاتقىلارنىڭ سۇ ئاستىغا چۆكۈشى بىلەن ھاسىل بولغان ئارىلاشما ماددا.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئېرىتمىنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ قالغان تەستە ئېرىيدىغان ماددىلار.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] چۆكۈش جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر خىل بوش ۋە يېپىشقاقلىقى تۆۋەن ماددىلار.

چۆگەن

  • چۆگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ئات توپىنى ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇچى ئەگرى تاياق:[مىسال:] چۆگەن بىلەن كەپتۈكنى ئۇرماق.

چۆگۈن

  • چۆگۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مىس ياكى رو قاتارلىق مېتاللاردىن ئوچاق ياكى مەشتە چاي قاينىتىشقا لايىق قىلىپ ئىشلەنگەن، جوغا ۋە تۇتقۇچى بار سۇ قاچىسى:[مىسال:] مىس چۆگۈن. رو چۆگۈن، چۆگۈن ئالماق.

چۆل

  • چۆل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈك، دەل-دەرەخ ئۆسمىگەن، سۇسىز، بىپايان يەر؛ دەشت-باياۋان:[مىسال:] چىلانغا چۆل، ياڭاققا كۆل (ماقال).

چۆلەتمەك

  • چۆلەتمەك[يەشمىسى:] «چۆلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانام بالىلارنى بۇيرۇپ غوزىنى چۆلىتىۋەتتى.

چۆلەشمەك

  • چۆلەشمەك[يەشمىسى:] «چۆلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئايدىڭدا، ئوندەك ئايال ھەدەپ غوزا چۆلىشىۋاتاتتى.

چۆلەنمەك

  • چۆلەنمەك[يەشمىسى:] «چۆلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر تاغار غوزا بىرپەستە چۆلىنىپ بولدى.

چۆل-باياۋان

  • چۆل-باياۋان[يەشمىسى:] ئادەم ياشىمايدىغان، ئۆسۈملۈك، دەل-دەرەخ ئۆسمىگەن، بىپايان دالا؛ چۆل ۋە باياۋان.

چۆل-جەزىرە

  • چۆل-جەزىرە[يەشمىسى:] «چۆل-باياۋان»غا قاراڭ:[مىسال:] سانسىزلىغان تىللالار شۇ چۆل-جەزىرىدە قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قاپتۇ.

چۆلدەرەشمەك

  • چۆلدەرەشمەك[يەشمىسى:] «چۆلدەرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۆلدەرىمەك

  • چۆلدەرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① دەل-دەرەخ ئۈنمەيدىغان، ئۆسۈملۈك ئۆسمەيدىغان بولۇپ قالماق:[مىسال:] بىرنەچچە يىل ئالدىدا، بۇ بىر گۈزەل باغ ئىدى، تاشلىنىپ قالغاچقا، ھازىر چۆلدەرەپ كېتىپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چۆلگە ئوخشاپ قالماق، قايناق ھايات تۈسىنى، ئاۋاتلىقىنى يوقاتماق:[مىسال:] مەھەللە ئىچىدە ھېچكىم بولمىغانلىقتىن، ئەتراپ چۆلدەرەپ قالغانىدى.

چۆللەشمەك

  • چۆللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چۆلگە ئايلانماق:[مىسال:] ئومۇمەن، يېشىللىقى، ئاۋاتلىقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان بۇ جاي مانا ئەمدى چۆللىشىپ قالغانىدى.

چۆللۈك

  • چۆللۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۆل يەر:[مىسال:] ئۆزۈڭلار كۆرۈۋاتىسىلەر، بۇ پايانسىز چۆللۈكتە تاش بىلەن قۇمدىن باشقا نەرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ.

چۆلىمەك

  • چۆلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېخى ئېچىلىپ بولالمىغان كېۋەزنىڭ غوزىسىدىكى پاختىنى قول بىلەن چىقارماق:[مىسال:] غوزا چۆلىمەك.

چۆمدۈرمەك

  • چۆمدۈرمەك[يەشمىسى:] «چۆممەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بالىسىنى سۇغا چۆمدۈردى.

چۆمدۈرۈلمەك

  • چۆمدۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «چۆمدۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چۆممەك

  • چۆممەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇيۇقلۇققا، سۇغا چۆكمەك:[مىسال:] سۇغا چۆممەك.[يەشمىسى:] ② قاپلىماق، باسماق:[مىسال:] تەرگە چۆممەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بېرىلمەك، پاتماق:[مىسال:] خىيالغا چۆممەك. غەمگە چۆممەك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قاپلانماق. تۈس ئالماق:[مىسال:] ئۇلارنىڭ چوڭ قورۇسى گويا بايرام تەنتەنىسىدەك شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

چۆمۈچ

  • چۆمۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۇسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سايمان؛ ساپلىق:[مىسال:] قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ (ماقال). قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقار(ماقال).

چۆمۈشمەك

  • چۆمۈشمەك[يەشمىسى:] «چۆممەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سودىگەرلەرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ھەيرانلىققا چۆمۈشتى.

چۆمۈلدۈرمەك

  • چۆمۈلدۈرمەك[يەشمىسى:] «چۆمۈلمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۆمۈلمەك

  • چۆمۈلمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چۆممەك:[مىسال:] ئالدىرىغان ئۆردەك ئارقىسى بىلەن چۆمۈلەر(ماقال).  ھەممە ئادەم خۇشال، ھەممە ئادەم بايرام تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەنىدى.

چۆمۈلۈشمەك

  • چۆمۈلۈشمەك[يەشمىسى:] «چۆمۈلمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ كۈنى يەكشەنبە بولغانلىقى ئۈچۈن، قىزلار يىغىلىپ سەيلىگە چىقتى، چۈشتىن كېيىن دەريا بويىغا كېلىپ، سۇغا چۆمۈلۈشتى.

چۆنەك

  • چۆنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] زىرائەتنى سۇغىرىش ئۈچۈن، زىرائەتنىڭ يىلتىزىغا يېقىنراق قېزىلغان ئېرىقچە:[مىسال:] چۆنەك تارتماق.  قېرى ئات چۆنەك بۇزماس (ماقال).

چۆنەكلىك

  • چۆنەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۆنىكى بار، چۆنەك تارتىلغان:[مىسال:] چۆنەكلىك يەر. ∥بىر كۈنى قوغۇنلۇققا ئۈچ-تۆت ئەسكەر كېلىپ قالدى. مەندىن بىر سۆز سورىماي، چۆنەكلىكتە ئولتۇردى.

چۆنەكلىمەك

  • چۆنەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چۆنەك تارتماق، چۆنەك قازماق، چۆنەك ئاچماق:[مىسال:] ئۇ يەنى چۆنەكلەپ تېرىش، ئۇرۇقنى ئوغۇت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېرىش، قاتارلىقلار ئۈستىدە بوۋايغا ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى.

چۆنتەك

  • چۆنتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يانچۇق:[مىسال:] ھەرنېمە دېگەنبىلەن، ئۇ بۈگۈن ئاخشام ئازغىنە كەم ئالتە كوينى چۆنتەككە ئۇردى.

چۆۋەك

  • چۆۋەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەتلەس تۇقۇش ئۈچۈن، تاياقچىغا سوقىچاق قىلىپ تۈرۈلگەن يىپ.

چۈپەي

  • چۈپەي[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەشلەڭ ئويۇنىدا ئىشلىتىلىپ بولغان، رولىنى يوقاتقان، كېرەكسىز قارتا:[مىسال:] چۈپەي ئاتماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چاكىنا، تېتىقسىز:[مىسال:] چۈپەي ئادەملەر ئاشۇنداق چۈپەي گەپلەرنى قىلىدۇ.

چۈپەيلەشتۈرمەك

  • چۈپەيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «چۈپەيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۈپەيلەشمەك

  • چۈپەيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چۈپەي ھالەتكە كەلمەك؛ چاكىنىلاشماق، ئەھمىيىتىنى يوقاتماق.

چۈپەيلىك

  • چۈپەيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاكىنىلىق، تېتىقسىزلىق:[مىسال:] چۈپەيلىك قىلماق.  ئېسىل ئادەملەردىمۇ ئاز-تولا چۈپەيلىك بولىدىكەن.

چۈپرەندە

  • چۈپرەندە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاكال، شۆپۈك قاتارلىق كېرەكسىز، تاشلاندۇق نەرسىلەر؛ ئەخلەت:[مىسال:] چۈپرەندە ئازگىلى. چۈپرەندە دۆۋىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەرزىمەيدىغان، رەتكە ئۆتمەيدىغان، ئېتىبارى يوق:[مىسال:] چۈپرەندە ئادەم. چۈپرەندە ئىشلار.

چۈجە

  • چۈجە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىق قۇشلارنىڭ بالىسى:[مىسال:] چۈجىنى كۈزدە سانا (ماقال).

چۈجگۈن

  • چۈجگۈن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، گۈل رېتى تۈۋرۈك شەكلىدە كېلىدۇ؛ باشىقىدا تۈكلىرى بولىدۇ.

چۈجگۈنلۈك

  • چۈجگۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۈجگۈن تېرىلغان ياكى چۈجگۈن ئۆسكەن يەر:[مىسال:] ھېلىقى بىر توپ ئادەملەر چۈجگۈنلۈكنى ئارىلاپ يۈرۈپ، چوڭ يولغا چىقىپ قالدى.

چۈجىلىك

  • چۈجىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۈجىسى بار، چۈجەچىقارغان، چۈجە ئەگەشتۈرگەن:[مىسال:] چۈجىلىك مېكىيان.

چۈچۈتمەك

  • چۈچۈتمەك[يەشمىسى:] «چۈچۈمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئاخىرى ياغنى قوناقلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا چۈچۈتتى.

چۈچۈكⅠ

  • چۈچۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئاچچىق ئەمەس، ئاچچىق بىلەن تاتلىقنىڭ ئارىلىقىدا؛ چۈچۈمەل(تەم ھەققىدە):[مىسال:] چۈچۈك ئالما.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جەلپ قىلارلىق، يېقىملىق:[مىسال:] تىلى چۈچۈك، چۈچۈك ئاۋاز.

چۈچۈكⅡ

  • چۈچۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بوۋاق بالىلاردىكى چوڭ تەرەت كەلمەيدىغان كېسەل:[مىسال:] چۈچۈك بولماق.

چۈچۈكبۇيا

  • چۈچۈكبۇيا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چۈچۈك+بۇيا[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزىنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، دورا قىلىشقا بولىدۇ، يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە. ئۇنى تاماكا، جاڭيۇ قاتارلىقلارنىڭ پۇراقلىق ماتېرىيالى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

چۈچۈكدىمەك

  • چۈچۈكدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پۈرۈككە شاپ قويماق؛ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرماق:[مىسال:] مۇنار بىلەن كېلىشتۈرۈپ چۈچۈكدىگەنىدىم، نەچچە يىلدىن يېگەن-ئىچكەنلىرى شارقىراپ ئاققىلى باشلىدى.

چۈچۈمەك

  • چۈچۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تازىلانماق، داغلانماق؛قىزىتىشتىن ئاچچىق بۇسى چىقىپ كەتمەك.

چۈچۈمەل

  • چۈچۈمەل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاچچىقمۇ ئەمەس، بەك تاتلىقمۇ ئەمەس؛ ئاچچىق-چۈچۈك:[مىسال:] چۈچۈمەل ئالما. چۈچۈمەل ئۈزۈم.

چۈچۈمەللىك

  • چۈچۈمەللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاچچىق-چۈچۈكلۈك.

چۈچۈنچە

  • چۈچۈنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يىپەكتىن توقۇلغان ئاق رەخت، شايىنىڭ بىر خىلى:[مىسال:] چۈچۈنچە كۆڭلەك. چۈچۈنچە يەكتەك.

چۈرۈش

  • چۈرۈش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پىشىشقا يېقىنلاشقان، بىرئاز خام، تولۇق پىشمىغان:[مىسال:] چۈرۈش قوغۇن. چۈرۈش شاپتۇل.

چۈرۈك

  • چۈرۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① يۇمشاقلىقىنى، ئېگىلىشچانلىقىنى يوقاتقان، ئاسان سۇنىدىغان، ئاسان ئوشتۇلىدىغان:[مىسال:] چۈرۈك ياغاچ. چۈرۈك مېتال.[يەشمىسى:] ② سۇلۇق، چىشلىگەندە تارسىلداپ تۇرىدىغان، ئاسان يېرىلىدىغان (قوغۇن، مېۋە ھەققىدە)[مىسال:] :[مىسال:] چۈرۈك قوغۇن. چۈرۈك ئالما.

چۈرۈكلۈك

  • چۈرۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ تارتىش كۈچىگە ياكى زەربىگە ئۇچرىغان چاغدىكى ئاسان سۇنۇپ پارچىلىنىدىغان خۇسۇسىيىتى.

چۈشⅠ

  • چۈشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيقۇ جەريانىدا ھاسىل بولغان، ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پائالىيىتى تولۇق توختاپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، مېڭىدە ئەكس ئەتكەن ئوبرازلار، نەرسىلەر:[مىسال:] چۈشى بۇزۇلماق.  كىشىدىكى پۇل-چۈشىدىكى پۇل(ماقال).

چۈشⅡ

  • چۈشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇياش تىك كۆتۈرۈلگەن، سائەت 12 ياكى بىر بولغان مەزگىل:[مىسال:] ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن كېلەر(ماقال).

چۈشەتمەك

  • چۈشەتمەك[يەشمىسى:] «چۈشىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۈشەشمەك

  • چۈشەشمەك[يەشمىسى:] «چۈشىمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۈشەكⅠ

  • چۈشەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات، ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلارنىڭ ئايىغىنى چېتىپ قويۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمان؛ چېدەر:[مىسال:] چۈشەك سالماق.

چۈشەكⅡ

  • چۈشەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] مۇنار تەكچىلىرىگە چىقىرىلىدىغان، مېھرابقا ئوخشايدىغان شەكىل.

چۈشەكⅢ

  • چۈشەكⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كۆرگەن چۈش:[مىسال:] تۆشەك بىر، چۈشەك باشقا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئوي، پىلان:[مىسال:] لېكىن «تۆشەك بىر، چۈشەك باشقا» دېگەندەك، نەسرىدىننىڭ قورسىقىدىكى چۈشەك باشقىچە ئىدى.

چۈشەكەشمەك

  • چۈشەكەشمەك[يەشمىسى:] «چۈشەكىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۈشەكلەنمەك

  • چۈشەكلەنمەك[يەشمىسى:] «چۈشەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چۈشەكلىنىپ تۈمەنلىگەن جانىۋارلار، ياتقۇزۇلدى، تەييار بولدى پىچاققا.

چۈشەكلىك

  • چۈشەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۈشەلگەن، چۈشەپ قويۇلغان:[مىسال:] چىمەنلىك ئارالچىلاردا چۈشەكلىك بىرنەچچە ئات ئوتلاپ يۈرەتتى.

چۈشەكلىمەك

  • چۈشەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چۈشەك سالماق، چۈشىمەك:[مىسال:] ئاتنى چۈشەكلىمەك. قوينى چۈشەكلىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توسىماق، چەكلىمەك:[مىسال:] ئىدىيەمنى چۈشەكلەپ قويماسلىققا ئىزچىل تىرىشىپ كەلدىم.

چۈشەكىمەك

  • چۈشەكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چۈش كۆرمەك:[مىسال:] بۇ گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا چۈشەكەپ ياتقان بەخىرامان پەيتى ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئۇيقۇدا يېتىپ سۆزلىمەك؛ جۆيلىمەك:[مىسال:] بۇ بالا تۇيۇقسىزلا بىرقانچە رەت تېپچەكلىگەندىن كېيىن، چۈشەكەپ:[مىسال:] ئاپا دەپ ۋارقىراپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەمەلگە ئاشمايدىغان شېرىن خىيالدا بولماق، خام-خىيال قىلماق:[مىسال:] مېنىڭمۇ تاپشۇرۇقۇم بار ھەمىشە ئاق ئۇن يەيمىز دەپ چۈشەكەپ يۈرمەڭلار.

چۈشەلمەك

  • چۈشەلمەك[يەشمىسى:] «چۈشىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] پۇتى چۈشەلگەن ئات.

چۈشەنچە

  • چۈشەنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسى:[مىسال:] توغرا چۈشەنچە. خاتا چۈشەنچە. ئابستراكت چۈشەنچە.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى نەرسە توغرىسىدىكى نەسىھەت، توغرا چۈشەندۈرۈش، تونۇشتۇرۇش:[مىسال:] چۈشەنچە بەرمەك.[يەشمىسى:] ③ ئىنساننىڭ بىلىم ۋە تەسەۋۋۇر دەرىجىسى؛ سەۋىيە:[مىسال:] مېنىڭ ئىلمىي چۈشەنچەم تۆۋەنرەك.

چۈشەندۈرمەك

  • چۈشەندۈرمەك[يەشمىسى:] ① «چۈشەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] خاسىيەت شاڭخەيدىن يازغان خېتىدە، ھېلىقىدەك ھەرىكەتتە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەنىدى.[يەشمىسى:] ② چۈشەنچە بەرمەك، ئىزاھلىماق، شەرھلىمەك، بىلدۈرمەك:[مىسال:] ئۇ مەقسىتىنى كۆڭۈلدىكىدەك چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتى.[يەشمىسى:] ③ نەسىھەت قىلماق، تەربىيە بەرمەك:[مىسال:] ياق نېمىلا بولسا بولسۇن، ئۇ مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم. چۈشەندۈرىمەن، قايىل قىلىمەن.

چۈشەنمەك

  • چۈشەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شەيئىنىڭ ياكى بىرەر گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ ماھىيىتى، سەۋەبى، مەنىسىنى ئۇقماق، بىلمەك:[مىسال:] بۇ رومالنى يول بەلگىسى سۈپتىدە ئانىنىڭ ئالاھىدە قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىر قاراپلا چۈشەندى.

چۈش-پېشىن

  • چۈش-پېشىن[يەشمىسى:] چۈش ۋە پېشىن ئارىلىقىدىكى ۋاقىت.

چۈشكۈرتمەك

  • چۈشكۈرتمەك[يەشمىسى:] «چۈشكۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۈشكۈرمەك

  • چۈشكۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] دىماغنىڭ قىچىشىشى نەتىجىسىدە ئىختىيارسىز ھالدا ئۆپكىدىن جىددىي، ئاۋازلىق ھاۋا چىقارماق:[مىسال:] مۈشۈك قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىنى پادىشاھنىڭ بۇرنىغا سۈركەپتۇ، پادىشاھنىڭ بۇرنى قىچىشىپ چۈشكۈرۈپتۇ.

چۈشكۈرۈشمەك

  • چۈشكۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «چۈشكۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۈشكۈن

  • چۈشكۈن[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] روھىي كەيپىياتى تۆۋەن، ئۈمىدسىز، مەيۈس، غەمكىن:[مىسال:] چۈشكۈن ئادەم.  كېۋىرئاخۇننىڭ روھى تولىمۇ چۈشكۈن ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەپەر ياكى ساياھەت قىلىش جەريانىدا ۋاقىتلىق تۇرۇپ، ئارام ئېلىپ ئۆتىدىغان جاي؛ قونالغۇ:[مىسال:] مەن يولدىن ئېزىپ كەتتىم، بىرەر چۈشكۈن تاپالماي يۈرىمەن، مېنى قوندۇرۇپ قېلىڭ، دېدى يولۇچى.

چۈشكۈنلەشتۈرمەك

  • چۈشكۈنلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «چۈشكۈنلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ جاھالەت، بۇ خۇراپاتلىق بىزنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنىمىزنى خاراب قىلىۋەتتى.

چۈشكۈنلەشمەك

  • چۈشكۈنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چۈشكۈن ھالەتكە كەلمەك، غەمكىن بولۇپ قالماق، مەيۈسلەنمەك، روھسىزلانماق:[مىسال:] تۈرمىدىكىلەرنىڭ روھى بەكمۇ چۈشكۈنلەشكەنىدى.

چۈشكۈنلۈك

  • چۈشكۈنلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۈشكۈن ھالەت، چۈشكۈن كەيپىيات:[مىسال:] روھىي چۈشكۈنلۈك. چۈشكۈنلۈك قاپلىماق.

چۈشلۈك

  • چۈشلۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۈشتە بولىدىغان، چۈشتە قىلىدىغان، چۈشتە يېيىلىدىغان؛ چۈشكە ئائىت، چۈشكە تەئەللۇق:[مىسال:] چۈشلۈك تاماق.  چۈشلۈك ئۆمرۈڭ بولسا، كەچلىك ئوزۇق تاپ (ماقال).

چۈشلىمەك

  • چۈشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شۇ جايدا چۈشكىچە تۇرماق، شۇ جايدا چۈشنى قىلماق؛ شۇ جايدا چۈشنى ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] بىز مۇشۇ جايدا چۈشلەپ، ئاندىن يولغا چىقايلى.

چۈشمەك

  • چۈشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يۇقىرىدىن، ئېگىز يەردىن ياكى بىرەر نەرسە ئۈستىدىن پەسكە قاراپ ھەرىكەت قىلماق، شۇنداق ھەرىكەت بىلەن شۇ پەس جايغا يەتمەك:[مىسال:] تاغدىن چۈشمەك. ئۆگزىدىن چۈشمەك. * ئاتتىن چۈشتۈڭ-ئېتەككە چۈشتۈڭ (ماقال).[يەشمىسى:] ② بىرەر قاتناش ۋاستىلىرىغا ئولتۇرماق، چىقماق:[مىسال:] ئايروپىلانغا چۈشمەك. پويىزغا چۈشمەك. پاراخوتقا چۈشمەك. پىكاپقا چۈشمەك.[يەشمىسى:] ③ پەسەيمەك، تۆۋەنلىمەك، ئازايماق، ئەرزانلىماق:[مىسال:] باھاسى چۈشمەك. قىزىتمىسى چۈشمەك.  ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خالىسا كېلەتتى، خالىمىسا كەلمەيتتى، بەزىدە بەش-ئالتىگە چۈشۈپ قالاتتى.[يەشمىسى:] ④ بوشاشماق؛ تۆۋەنلىمەك، يېرىم بولماق، مەيۈسلەنمەك(مىجەز، روھىي ھالەت، كەيپىيات ھەققىدە):[مىسال:] دېمى ئىچىگە چۈشمەك. پادىشاھ بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، پەزىلەتخاننىڭ دەردىدە روھى چۈشۈپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ بېكىتىلگەن، ئورنىتىلغان، تىكلەپ قويۇلغان، تۇتۇپ تۇرۇلغان يەردىن ئاجرىلىپ، ئۈزۈلۈپ پەسكە تاشلانماق، يەرگە يەتمەك، غۇلىماق:[مىسال:] تاش چۈشمەك.[يەشمىسى:] ⑥ ئۆزلىكىدىن ياكى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن بوشاپ، ئۈزۈلۈپ تۆكۈلمەك:[مىسال:] چاچ چۈشمەك. چىش چۈشمەك.[يەشمىسى:] ⑦ ياغماق، پەيدا بولماق (يامغۇر، قار، قىراۋ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] قار چۈشمەك. قىراۋ چۈشمەك.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋەزىپىسىدىن، ئەمىلىدىن، مەنسىپىدىن بوشىتىلماق، ئېلىپ تاشلانماق:[مىسال:] ئەمىلىدىن چۈشمەك. ۋەزىپىسىدىن چۈشمەك.[يەشمىسى:] ⑨ بىرەر دائىرە، مەلۇم بوشلۇق ئىچىگە كىرمەك؛ جايلاشماق:[مىسال:] يېزىغا چۈشمەك. * مەن شۇئان سەكرەپ پوكەينىڭ ئىچىگە چۈشتۈم.[يەشمىسى:] 01 سەپەردە، كۆزلىگەن جايغا بېرىپ توختىماق، قونماق:[مىسال:] مەنزىلگە چۈشمەك، سارايغا چۈشمەك.[يەشمىسى:] 11 بىرەر ئورۇننىڭ باشقۇرۇشى، ئىختىيارىغا ئۆتمەك، قامالماق:[مىسال:] تۈرمىگە چۈشمەك. زىندانغا چۈشمەك. قاماققا چۈشمەك.[يەشمىسى:] 21 ئارتىلماق، يۈكلەنمەك:[مىسال:] ھەركىم ئۆز زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىشى كېرەك.[يەشمىسى:] 31 تەسىرى بىرەر نۇقتىغا، مەلۇم دائىرىگە يەتمەك، تارقالماق(ئاپتاپ، يورۇقلۇق، نۇر ھەققىدە):[مىسال:] كۈن چۈشمەك. ئاپتاپ چۈشمەك.[يەشمىسى:] 41 باشقا نەرسىدە، ئەكسى كۆرۈنمەك، پەيدا بولماق؛ ئەكس ئەتمەك:[مىسال:] كۆلەڭگە چۈشمەك. شولا چۈشمەك. * قۇش ئاسماندا ئۇچسا، سايىسى يەرگە چۈشۈپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] 51 پەيدا بوماق، ھاسىل بولماق، كۆرۈنمەك:[مىسال:] قورۇق چۈشمەك. داغ چۈشمەك. ئۆپكىگە سۇ چۈشمەك. تاۋۇز چۈشمەك.[يەشمىسى:]يەشمىس: 61 ئىلىنماق، تۇتۇلماق، باغلانماق:[مىسال:] تورغا چۈشمەك. قاپقانغا چۈشمەك.[يەشمىسى:] 71 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دۇچ كەلمەك، ئۇچرىماق، يولۇقماق؛ پەيدا بولماق؛ تۇغۇلماق (غەم-ئەندىشە، تەشۋىش، شۈبھە، قىيىنچىلىق قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] غەمگە چۈشمەك. ئارىغا زىددىيەت چۈشمەك. * بەزى كۈنلەردە، ئۇ قاتتىق تەشۋىشكە چۈشەتتى.[يەشمىسى:] 81 ئېرىشمەك، ئىگە بولماق، ئىگىلىمەك:[مىسال:] ئەگەر ئاكيونىڭ يېنىغا پۇل چۈشۈپ قالسا، دەرھال شىشىخال ئويناشقا ماڭاتتى.[يەشمىسى:] 91 كەلمەك، يەتمەك، ئۇقتۇرۇلماق(ھۆججەت، ئالاقە، يوليورۇق ھەققىدە):[مىسال:] بۇ ھەققە يۇقىرىدىن ھۆججەت چۈشتى.[يەشمىسى:] 02 ماس، دەل، توغرا، مۇۋاپىق، باب كەلمەك:[مىسال:] ئۇ بۇ تارتمىغا چۈشىدىغان ئاچقۇچنى ياسىغان ئوخشايدۇ.[يەشمىسى:] 12 بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە كىرىشمەك، باشلىماق؛ تۇتۇش قىلماق:[مىسال:] گەپكە چۈشمەك. مۇنازىرىگە چۈشمەك. * ئۇلار ئەمدىلا قىزىق پاراڭغا چۈشكەنىدى.[يەشمىسى:] 22 تاشلانماق، يۆتكەلمەك(كۆز ۋە ئۇنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە):[مىسال:] مىنىپ ئىلھام قۇشىغا، كەلدىم بۇلاق بېشىغا، كۆزۈم چۈشتى بۇلاقنىڭ تېگىدىكى تېشىغا.[يەشمىسى:] 32 بىكار بولماق، ئايرىلماق:[يەشمىسى:] ئىشتىن چۈشمەك. خىزمەتتىن چۈشمەك.[يەشمىسى:] 42 يېپىلماق، توسۇلماق، ئېتىلمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كىيىۋالغان تامبىلىنىڭ بىر پۇچقىقى يوق، يالاڭ ئاياغ، بېشى ياغاق، ئارقا چېچى بولسا گەجگىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] 52 كەلمەك، كەلتۈرمەك (ئەس، ياد، خىيال قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئەسكە چۈشمەك. * سەنئەت ئۆمىكىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسىلا، مەرھۇم دادام يادىمغا چۈشەتتى.[يەشمىسى:] 62 يېتىپ كەلمەك، ۋاقتى بولماق:[مىسال:] قاراڭغۇ چۈشمەك. گۇگۇم چۈشمەك.[يەشمىسى:] 72 مەلۇم ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئىزىغا چۈشمەك. تەرتىپكە چۈشمەك.[يەشمىسى:] 82 ئىچىگە كىرمەك، چۆمۈلمەك، چۆممەك:[مىسال:] كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىككى چوكان بىللە مۇنچىغا چۈشۈپتۇ.[يەشمىسى:] 92 نىكاھلانماق، تەگمەك:[مىسال:] مەن دادىڭىزغا چۈشۈپ ئۈچ قىز تۇغدۇم.[يەشمىسى:] 03 ئورۇنلاشماق، قۇرۇلماق، قەد كۆتۈرمەك:[مىسال:] بۇ يېڭى شەھەر ياخشى جايغا چۈشتى.[يەشمىسى:] 13 چېچىلماق، كۆمۈلمەك، تېرىلماق(ئۇرۇق ۋە قوش):[مىسال:] سىلىنىڭچە، ئۇرۇقنىڭ چۈشۈشى قانداقراق دېدى ئۇستا ئۆزى بىلەن بىللە تۇرغان بىرقانچە دېھقانغا قاراپ.[يەشمىسى:] 23 توختىماق، تۇرماق(ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئۇرۇندىلىشى ھەققىدە):[مىسال:] قىيىنغا چۈشمەك. * ئەڭ ياخشىسى، شۇ «چوڭ خەتلىك گېزىت» نى يازغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا ئاشكارا چىققاندا، مەسىلىنى ھەل ىلىش ئاسانغا چۈشەتتى.[يەشمىسى:] 33 توختىماق، توغرا كەلمەك:[مىسال:] بۇ ئات ماڭا مىڭ يۈەنگە چۈشتى.[يەشمىسى:] 43 «-پ، -ىپ، -ئۇپ، -ئۈپ» قوشۇمچىلىرى بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ بىردىنلا، تۇيۇقسىز بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] يىقىلىپ چۈشمەك.  مەن تاغدىن غۇلاپ چۈشكەن كالىنى تىزراق سويۇۋېلىشقا ئالدىرايتتىم.

چۈشۈرگە

  • چۈشۈرگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئېرىق، ئۆستەڭ ۋە كۆللەرنىڭ سۈيىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قويۇلغان ئېغىز:[مىسال:] تۈگمەننىڭ چۈشۈرگىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] مۇزىكىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان قىسمى، ئاخىرى:[مىسال:] نۇسخا مەرغۇلىنىڭ چۈشۈرگىسى.

چۈشۈرمەك

  • چۈشۈرمەك[يەشمىسى:] ① «چۈشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئوردا دەرۋازىسىغا يەتكەندە، كۈتۈپ تۇرغان ئوردا بېگى ئەزىز بەگنىڭ قولتۇقىدىن ئېلىپ، ئاتتىن چۈشۈردى.[يەشمىسى:] ② پەسكە ئالماق، پەسكە قويماق:[مىسال:] يۈكنى چۈشۈرمەك.[يەشمىسى:] ③ ئوقۇماق، ئادا قىلماق:[مىسال:] داموللام:[مىسال:] مەرھۇمنىڭ دەرھال نامىزىنى چۈشۈرۈپ، يەرلىكتە قويۇۋېتىش كېرەك، دەپ بۇيرىدى.[يەشمىسى:] ④ يېزىپ قالدۇرماق، يازماق، سىزماق:[مىسال:] «جاھالەتنىڭ جاپاسى» ناملىق بىر درامىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى قۇرۇپ، قەغەزگە چۈشۈرۈپ قويغانىدىم.

چۈشۈرۈلمەك

  • چۈشۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «چۈشۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمەتنىڭ چېچى پاك-پاكىز چۈشۈرۈلگەنىدى.

چۈشۈشمەك

  • چۈشۈشمەك[يەشمىسى:] «چۈشمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مېھمانلار قوۋۇق ئالدىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشۈشتى.

چۈشۈك

  • چۈشۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] چۈشۈپ كەتكەن بالا؛ ھامىلە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىن ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى:[مىسال:] ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان (ماقال).[يەشمىسى:] ③ سوۋغا، تەقدىم قىلىنغان ماددىي بۇيۇم:[مىسال:] مۇرات بىرنەچچىسى بىلەن چۈشۈكلەرنى رەتلەۋاتقاندا، يەھياجان بىلەن مىرزا پەيدا بولدى.

چۈشۈم

  • چۈشۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] «چۈشۈم كېلىش»كە قاراڭ.

چۈشۈم كېلىش

  • چۈشۈم كېلىش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تىلىدىكى كېلىشلەرنىڭ بىر تۈرى. قوشۇمچىسى «نى». چۈشۈم كېلىش شەكلىدىكى ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەر ئۆتۈملۈك پېئىل ياكى ئۆتۈملۈك پېئىل بېرىكمىسىگە بېقىنىپ تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلىپ، ھەرىكەتنى قوبۇل قىلغۇچى شەيئىنى بىلدۈرىدۇ.

چۈشۈمسىز

  • چۈشۈمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياسىلىشى بوش ھەم تەمسىزراق:[مىسال:] چۈشۈمسىز چاي.

چۈشۈملۈك

  • چۈشۈملۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىڭ ياسالغان، تەمى ئوبدان چىقىدىغان (چاي ھەققىدە):[مىسال:] ماگىزىنغا كىرگەن ئاياللارنىڭ بىرى پرىكازچىككە قاراپ:[مىسال:] ماڭا چىڭراق، چۈشۈملۈكرەك چايدىن بىر كويلۇق بەرسىلە، دېدى.

چۈشىمەكⅠ

  • چۈشىمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇخلىغاندا ھەر خىل ئوبرازلارنى، نەرسىلەرنى كۆرمەك، چۈش كۆرمەك:[مىسال:] توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال چۈشەر(ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق ئويلارنى ئويلىماق، خام خىيال قىلماق:[مىسال:] نېمە، چۈشەۋاتامسەن، بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ.

چۈشىمەكⅡ

  • چۈشىمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① باغلىماق، چاتماق، كىشەنلىمەك:[مىسال:] ئاتنىڭ پۇتىنى چۈشىمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالغا بېسىش يولىنى توسماق، قامال قىلماق:[مىسال:] دۆلىتىمىزنىڭ كونا جەمئىيىتىدە، فېئوداللىق ئەخلاق خەلق ئاممىسىنى مەھكەم چۈشەپ قويغانىدى.

چۈشىنەرلىك

  • چۈشىنەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چۈشەنگىلى بولىدىغان، چۈشىنىشلىك، ئېنىق:[مىسال:] مەن سىگنال بەرگۈچە، ئۆزۈڭلارنى بىلدۈرمەي تۇرۇڭلار، دېدى ئۇ ئاستا، لېكىن چۈشىنەرلىك ئاۋاز بىلەن.

چۈشىنىشلىك

  • چۈشىنىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان، چۈشىنىش ئاسان، ئېنىق، ئۇقۇملۇق، روشەن:[مىسال:] چۈشىنىشلىك سۆز. چۈشىنىشلىك ماقالە.

چۈشىنىشمەك

  • چۈشىنىشمەك[يەشمىسى:] «چۈشەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى چۈشىنەتتى.

چۈشىنىكسىز

  • چۈشىنىكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدىغان، چۈشىنىش تەس، مۈجمەل، ئېنىق ئەمەس، ئۇقۇمسىز:[مىسال:] مىرئەلى نېمە قىلىشنى بىلمەي چۈشىنىكسىز بىر ھالەتتە تۇرۇپ قالدى.

چۈشىنىكسىزلىك

  • چۈشىنىكسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۈجمەللىك:[مىسال:] ئۇ كىتابنى شۇنچىلىك تېز ئوقۇدىكى، بەزىدە جۈملىنى جۈملىگە ئۇلاپ، چۈشىنىكسىزلىك پەيدا قىلاتتى.

چۈشىنىلمەك

  • چۈشىنىلمەك[يەشمىسى:] «چۈشەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ خىل ئەھۋاللار ئاڭلىق ۋە ئەقىللىق كىشىلەر تەرىپىدىن توغرا چۈشىنىلگەنىدى.

چۈكۈنەم

  • چۈكۈنەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان، تايىنى يوق، چاكىنا:[مىسال:] چۈكۈنەم ئادەم. چۈكۈنەم ئىش.  ئۇ ئۆزىنى ئاجايىپ-غارايىپ كىيىنىۋالغان شەھەرلىكلەر ئالدىدا، تولىمۇ چۈكۈنەم ھېس قىلدى.

چۈكۈنەملىك

  • چۈكۈنەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تايىنى يوقلۇق، چاكىنىلىق:[مىسال:] ئۇنداق چۈكۈنەملىك قىلما.

چۈلە

  • چۈلە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ قايناتقان، گۈلە-قاق ۋە ئۇنىڭ سۈيى:[مىسال:] چۈلە ئىچمەك. چۈلە سالماق.  ئۇنىڭ ئېلىپ چىققىنى مۇزدەك سوغۇق، چايدەك قېنىق، شېرىن چۈلە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەخمەق، ھاماقەت، زاڭ.

چۈلۈكⅠ

  • چۈلۈكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چۈلۈك ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يىلتىزى بىلەن قوۋزىقى تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، قاننى توختىتىش رولىغا ئىگە.

چۈلۈكⅡ

  • چۈلۈكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۆگە ياكى كالىلارنىڭ بۇرنىدىن ئۆتكۈزۈپ، چۇلۋۇر باغلاش ئۈچۈن ياسالغان نۆكچە ياغاچ:[مىسال:] چۈلۈكتىن بۇرۇنلىرى كېرىلىپ كەتكەن قوتازلارنىڭ ئارقانلىرىنى چاتقاللارغا باغلاپ قويدۇق.[يەشمىسى:] ② چاق ياكى غالتەك تۆشۈكىگە ئورنىتىلىدىغان ئوق ياغاچ:[مىسال:] ئۇ ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى.

چۈلىزاڭ

  • چۈلىزاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چۈلە+زاڭ[[يەشمىسى:] ئۆتۈپ كەتكەن ئەخمەق، زاڭ، ھاماقەت:[مىسال:] ئاتلىقلارنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقىنى قاراشەھەرگە نامى پۇر كەتكەن بىر «پور بايۋەتچى» دېگەن چۈلىزاڭ ئىدى.

چۈمەك

  • چۈمەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالدىغا ئېڭىشكەن، دۈمچەك، دوك.

چۈمبەل

  • چۈمبەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. .[يەشمىسى:] چۈمپەردە، نىقاب :[مىسال:] يۈزىگە چۈمبەل تارتقان ئاياللار، سىڭار كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ بازار قىلىۋاتقان چوكانلار تەرەپ-تەرەپكە قاچاتتى.

چۈمپەردە

  • چۈمپەردە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللار يۈزىگە تارتىدىغان تورسىمان رەخت؛ نىقاب:[مىسال:] چۈمپەردە تارتماق.

چۈمپەردىلىك

  • چۈمپەردىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چۈمپەردىسى بار، چۈمپەردە تارتقان:[مىسال:] چۈمپەردىلىك ئايال.[يەشمىسى:] ② چۈمپەردە قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان، چۈمپەردە قىلىشقا بولىدىغان:[مىسال:] چۈمپەردىلىك رەخت.

چۈمكەتمەك

  • چۈمكەتمەك[يەشمىسى:] «چۈمكىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چۈمكەشمەك

  • چۈمكەشمەك[يەشمىسى:] «چۈمكىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چۈمكەلمەك

  • چۈمكەلمەك[يەشمىسى:] «چۈمكىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يولدا ئۈستى تاغار، پالاسلار بىلەن چۈمكەلگەن ئوندەك پىگىلو ھارۋا بىر-بىرىنى سوڭدىشىپ كېلىۋاتاتتى.

چۈمكەنمەك

  • چۈمكەنمەك[يەشمىسى:] «چۈمكىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] دەرۋەقە، خامۇش ماڭقا:[مىسال:] ۋاي جان، ۋاي توۋا، دەپ يوتقانغا چۈمكىنىپ ياتاتتى.

چۈمكىمەك

  • چۈمكىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى بىرەر نەرسە بىلەن ياپماق، ئورىماق، پۈركىمەك:[مىسال:] شىرمۇھەممەت ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، يوتقاندىن بېشىنى سەل چىقىرىپ، ئالماسقا بىر قارىدى-دە، يەنە بېشىنى چۈمكىدى.

چۈمگەك

  • چۈمگەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل سۇ قۇشى. تەن شەكلى ئۆردەككە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئۆردەكتىن كىچىك، قانىتى قىسقا ۋە كىچىك، ئۇچۇشقا ماھىر ئەمەس. ئادەتتە سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدۇ، بەزىدە سۇ ئىچىگە چۆكۈۋالىدۇ؛ كىچىك بېلىق ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ.

چۈمۈلە

  • چۈمۈلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنى كىچىك ۋە ئۇزۇنچاق بولۇپ، قارا ۋە بېغىر رەڭ كېلىدۇ. ئىشچى چۈمۈلىلەرنىڭ قانىتى بولمايدۇ؛ يەر ئاستىغا ئۇۋا سالىدۇ، كاماردا توپلىشىپ ياشايدۇ.

چۈنچە

  • چۈنچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈزۈم قۇرۇتىدىغان مەخسۇس ئۆي:[مىسال:] ئۇلار بۇ توينى ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، چۈنچىگە ئېسىپ بولۇپ، كېچىكتۈرمەيلا قىلىۋېتىش كېرەك دېگەن يەرگە كېلىشتى.

چۈندەيسەي

  • چۈندەيسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوڭۇر رەڭلىك دېڭىز يۇسۇنلىرىنىڭ بىرى. دېڭىزدا ئۆسىدۇ. ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ؛ رەڭگى قوڭۇر بولۇپ، تاسمىغا ئوخشايدىغان كۆپلىگەن پەيسىمان يوپۇرماقلىرى بولىدۇ.

چۈنكى

  • چۈنكى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باش جۈملە بىلەن ئەگەشمە جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىدىغان سەۋەب باغلىغۇچىسى بولۇپ، «سەۋەبى»، «سەۋەب شۇكى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن جاۋاب بېرىشتىن قاچتىم. چۈنكى، بوۋاي ئەھۋالنى مومامغا ئېيتسا، مېنى بالىلارغا قوشماي قوياتتى-دە، ئوينىيالمايتتىم.

چېپىشماقⅠ

  • چېپىشماقⅠ[يەشمىسى:] «چاپماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] سۇلايمان ئاتلىقلارنىڭ قارلىق دالىنى چاڭ كەلتۈرۈپ، ناھايىتى تېز چېپىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

چېپىشماقⅡ

  • چېپىشماقⅡ[يەشمىسى:] «چاپماقⅢ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈستۈن ئاتۇش دېھقانلىرى ئۆستەڭ چېپىشتى.

چېپىشماقⅢ

  • چېپىشماقⅢ[يەشمىسى:] «چاپماقⅣ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چېپىق

  • چېپىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دېھقانچىلىق<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاستى ۋە يانلىرىنى چېپىپ يۇمشىتىش، چاغلاش، چاغلام:[مىسال:] قوناق چېپىقى. كېۋەز چېپىقى.

چېپىلغاق

  • چېپىلغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە تولا چېپىلىدىغان، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشقا ئارىلىشىۋالىدىغان، گەپ-سۆزىگە قىسىلىۋالىدىغان:[مىسال:] چېپىلغاق ئادەم. چېپىلغاق بالا.[يەشمىسى:] ② ئىزدەپ يۈرۈپ، ئوغرىلىقچە بىرنەرسىلەرنى يەۋالىدىغان(مۈشۈك ھەققىدە):[مىسال:] چېپىلغاق مۈشۈك. چېپىلغاق ئاسلان.

چېپىلماقⅠ

  • چېپىلماقⅠ[يەشمىسى:] «چاپماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چېپىلماقⅡ

  • چېپىلماقⅡ[يەشمىسى:] «چاپماقⅢ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باشلىرى چېپىلىپ، بىلەكلىرى ئۈزۈۋېتىلگەنىدى.

چېپىلماق

  • چېپىلماق[يەشمىسى:] ① Ⅲ«چاپماقⅣ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يېلىم چېپىلغان چاچلىرىنى ئۇششاق ئۆرۈۋالغان بۇ يېزا قىزى ماڭا ئۇزۇندىن بېرى كۆرمىگەن يېزىلىرىمنى ئەسلىتەتتى.[يەشمىسى:] ② ئارىلاشماق:[مىسال:] ئۇششاق ئىشلارغا چېپىلماق.  بىزنىڭ بۇ يەردە قازانغا چېپىلغان ئەر كىشىنى زاڭلىق قىلىدۇ، دېدى ئۇ.

چېپىندى

  • چېپىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېپىپ چىقىرىۋېتىلگەن كېرەكسىز ياغاچ پارچىسى؛ خەشەك:[مىسال:] پاتمەك مالاي خوتۇننى قىچقىرىپ: سەن ياغاچچىغا قاراپ تۇرغىن، بۆشۈكتىن ئاشقان چېپىندى-خەشەكلىرىنى ئۇتتۇرلۇقچە كۆيدۈرۈۋەتكىن، دەپتۇ.

چېتىر

  • چېتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگىنىڭ ئۈچ يىللىق بولغان بالىسى.

چېتىشلىق

  • چېتىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېتىلغان، مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى بار؛ مۇناسىۋەتلىك؛ ئالاقىدار، باغلىنىشلىق:[مىسال:] بۇ موللا نىياز بىلەن چېتىشلىق ۋەقە ئىدى.

چېتىشماق

  • چېتىشماق[يەشمىسى:] «چاتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چېتىق

  • چېتىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاتنىڭ ئالدى ئىككى ئايىغىغا سالىدىغان زەنجىرىلىك ئەسۋاب؛ چېدەر.[يەشمىسى:] ② جىنايەتچىلەرنىڭ پۇتىغا سېلىنىدىغان جازا قورالى؛ كىشەن:[مىسال:] چېتىق سالماق. *ھۇرۇن خوتۇن پۇتقا چېتىق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ شوتا، ئورۇندۇق، ئۈستەل قاتارلىقلارنىڭ پۇت ۋە غولىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئورنىتىلغان توغرا ياغاچ؛ بالداق:[مىسال:] لېتىپ سىنىپتىكى پۇتى، چېتىقلىرى بوشاپ كەتكەن ئورۇندۇق-پارتىلارنى رېمونت قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى.

چېتىقلىق

  • چېتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە چېتىپ قويۇلغان، بىر-بىرىگە باغلانغان:[مىسال:] چېتىقلىق ئات.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالاقىدار، مۇناسىۋەتلىك، باغلىنىشلىق:[مىسال:] قەشقەر دەپ نامىڭ بار زەپمۇ يېقىملىق، مەھمۇتنىڭ چىرىغى سەندە يېقىقلىق. قەدىمدىن جاھانغا تونۇلۇپ كەلگەن، ئۇيغۇرنىڭ تارىخى ساڭا چېتىقلىق.

چېتىك

  • چېتىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئايالچە ئۆتۈك:[مىسال:] قىز پۇتىغا كالاچسىز كونا چېتىك كىيىۋالغانىدى.

چېتىلماق

  • چېتىلماق[يەشمىسى:] «چاتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شوپۇر ئوت ئالدۇرغۇچنى ئېچىۋىدى، «تارس» قىلغان قاتتىق ئاۋاز چىقىپ، ئىككى ماتور ئاپتوماتىك ھالدا بىر-بىرىگە چېتىلدى.

چېتىن

  • چېتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يۇمران شېخى، قوۋزىقى ۋە مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ. ئۇلار ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەلنى توختىتىش ۋە تالنى قۇۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.

چېچەكⅠ

  • چېچەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسلىق كۆپىيىش ئورگىنى؛ گۈلى.[يەشمىسى:] ② ئېچىغان نەرسىلەردە پەيدا بولىدىغان رەڭلىك كۆپۈك:[مىسال:] ھېلىقى خېرىدار چاينى كۆرسىتىپ:[مىسال:] قېنى چېچىكى بار چايلىرىڭىزدىن جىڭلىمامسىز دېدى.

چېچەكⅡ

  • چېچەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇنى بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم ۋە بەزى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا يۇقىدۇ. بۇنىڭدا دەسلەپ قىزىپ، پۈتۈن بەدەنگە قىزىل رەڭدىكى دۆڭچە ئەسۋىلەر چىقىدۇ.

چېچەك چىقماق

  • چېچەك چىقماق[يەشمىسى:] ① بەدەندە چېچەك پەيدا بولماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پىلانلانغان، قىلماقچى بولغان بىرەر ئىش-ھەرىكەتتىن چاتاق چىقماق، كاشىلا تۇغۇلماق؛ توسالغۇ ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماق:[مىسال:] مەسلىھەتسىز قىلىنغان ئىشتىن چېچەك چىقىدۇ (ماقال).

چېچەك سالماق

  • چېچەك سالماق[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىگە(تېرىسىگە)چېچەك ۋاكسىنسىنى ئۇرماق.

چېچەك-چوكان

  • چېچەك-چوكان[يەشمىسى:] كۆكلەم مەزگىلىدە، دەل-دەرەخلەردىن ئۆسۈپ چىققان چېچەك، بىخ، نوتا قاتارلىقلار:[مىسال:] چېچەك-چوكان ئېچىلىپ، يەر-جاھان رەڭدار گىلەمدەك ياسانغان كۈنلەردە، بوۋاي يەنە جامەدە پەيدا بولدى.

چېچەكچى

  • چېچەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بالىلارغا چېچەك سالىدىغان ئادەم.

چېچەكسەي

  • چېچەكسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چېچەك+سەي[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. رەڭگى سېرىق، خۇشبۇي پۇرايدۇ، ئەتىگەندە ئېچىلىپ، كەچقۇرۇندا تۆكۈلىدۇ. ئادەتتە ئۇ كۆكتات قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

چېچەكلەتمەك

  • چېچەكلەتمەك[يەشمىسى:] «چېچەكلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ خىلدىكى باشلىقلار، تۈزەت مۇنداق ئىللەتنى. چېچەكلەتكىن ئىشىڭدا، كوممۇنىستىك ئەخلاقنى.

چېچەكلەشمەك

  • چېچەكلەشمەك[يەشمىسى:] «چېچەكلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئاجايىپ مەنزىرىگە چۈشتى كۆزۈم. قالدىم قاراپ قىزىقسىنىپ زوقۇم تېشىپ. خىيالىمدا سۈرەتلەندى رەڭدار باھار، پۇراق چاچتى قىزىلگۈللەر چېچەكلىشىپ.

چېچەكلىك

  • چېچەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېچىكى بار، چېچەك پەيدا بولغان، چېچىكى ئېچىلغان:[مىسال:] چېچەكلىك چاي.

چېچەكلىمەك

  • چېچەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چېچىكى ياكى گۈلى ئېچىلماق:[مىسال:] مەھەللە ئىچىدە ئۆرۈكلەر رەڭمۇرەڭ چېچەكلەپ، ئېرىقلارنىڭ بويلىرى يېشىل مەخمەلدەك كۆكەردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گۈللەپ ياشنىماق(ئادەم ھەققىدە):[مىسال:] شۇ سۆھبەتتىن كېيىن، گۈلھەسەل خېنىم ئۆز ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ قايتىدىن چېچەكلىشىگە چوڭقۇر ئىشەندى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېچىغان نەرسىلەردە رەڭلىك كۆپۈكچە پەيدا بولماق:[مىسال:] بۇ ئاچچىقسۇ چېچەكلەپ قاپتۇ، بۇزۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ.

چېچەنⅠ

  • چېچەنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تېز پەملىيەلەيدىغان، زېھنى ئۆتكۈر؛ زېرەك، ھوشيار، ئەقىللىق:[مىسال:] چېچەن قىز. چېچەن ئادەم.  چېچەن يېڭىلسە، مىڭ يىللىق (ماقال).

چېچەنⅡ

  • چېچەنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

چېچەنلەشمەك

  • چېچەنلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چېچەن ھالەتكە كەلمەك، سەزگۈرلۈكى، ھوشيارلىقى ئاشماق:[مىسال:] ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، سەل چېچەنلەشكەندەك بولۇپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ تىڭشىدى.

چېچەنلىك

  • چېچەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېچەن ھالەت، سەزگۈرلۈك، ھوشيارلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ قولى ئىشتا، ئاغزى گەپتە ئىدى. كۆزى بولسا ئەتراپنى چېچەنلىك بىلەن كۆزىتەتتى.

چېچىشماق

  • چېچىشماق[يەشمىسى:] «چاچماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ بالىلار بىر-بىرىگە ھەدەپ سۇ چېچىشىپ ئويناۋاتاتتى.

چېچىلاڭغۇ

  • چېچىلاڭغۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېچىلىپ كەتكەن، چۇۋالچاق؛ رەتسىز، سىستېمىلىق ئەمەس:[مىسال:] ئۇنىڭ خىيالى قالايمىقان ۋە چېچىلاڭغۇ ئىدى.

چېچىلاڭغۇلاشماق

  • چېچىلاڭغۇلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چېچىلاڭغۇ ھالەتكە كەلمەك، چېچىلاڭغۇ كەيپىيات شەكىللەنمەك:[مىسال:] رەھبەرلىك ھەر قانداق ۋاقىتتا چېچىلاڭغۇلىشىپ، بوشاپ كەتسە بولمايدۇ.

چېچىلاڭغۇلۇق

  • چېچىلاڭغۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چۇۋالچاق، رەتسىزلىك؛ چېچىلاڭغۇ. قالايمىقان ھالەت:[مىسال:] مېنىڭدە ھەقىقەتەن ئىنتىزام جەھەتتىكى چېچىلاڭغۇلۇق بار، بۇ ئىش ماڭا بىر قېتىملىق سىناق بولدى.

چېچىلغاق

  • چېچىلغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا چېچىلىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان؛ تېرىككەك، سەپرا:[مىسال:] چېچىلغاق ئايال.  زاھىت خاپىغان، چېچىلغاق ئادەم.

چېچىلغاقلىق

  • چېچىلغاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا چېچىلىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان مىجەز، خاراكتېر:[مىسال:] ئايسىخان سەپرا مىجەز ئايال ئىدى. ئىرسىيەتتىنمۇ ياكى تولا چېچىلغاقلىقىدىنمۇ، چاچلىرىغا بىمەھەل ھاياتنىڭ قىراۋى چۈشكەن.

چېچىلما

  • چېچىلما[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېچىلىپ تۇرىدىغان، قولاشمايدىغان؛ چېچىلاڭغۇ:[مىسال:] چېچىلما خىيال. چېچىلما ھەركەت.

چېچىلماق

  • چېچىلماق[يەشمىسى:] ① «چاچماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئابلەتنىڭ قوللىرى تىترەپ تۇرغانلىقتىن، قەغەزدىكى موخوركا ھەدەپ چېچىلىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق، تېرىكمەك:[مىسال:] ئۇنىڭغا شۇنچىۋالامۇ چېچىلغان بارمۇ، ئولتۇرۇپ قورساقلىرىنى توقلىۋالسىلا، دېدى ئايالى.

چېخ

  • چېخ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار چېخىيىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

چېدەر

  • چېدەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاتنىڭ پۇتىغا سېلىپ، چېتىپ قويىدىغان چېتىق.

چېدەرلەتمەك

  • چېدەرلەتمەك[يەشمىسى:] «چېدەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چېدەرلەشمەك

  • چېدەرلەشمەك[يەشمىسى:] «چېدەرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چېدەرلەنمەك

  • چېدەرلەنمەك[يەشمىسى:] «چېدەرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چېدەرلىمەك

  • چېدەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئات، ئېشەكلەرنىڭ ئايىغىنى چېدەر بىلەن چېتىپ قويماق، چۈشىمەك.

چېدىر

  • چېدىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىگىز، رەخت ياكى كاناپ قاتارلىقلاردىن ياسالغان ئۆي:[مىسال:] ئاشخانىدا باشلانغان ھېلىقى ھېكايىنىڭ ئاخىرى ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ چېدىرىدا ئاياغلاشتى.

چېرتيوژ

  • چېرتيوژ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] مەلۇم ئۆلچەم ۋە تەلەپكە ئاساسەن سىزىلغان سخېما.

چېرتيوژچى

  • چېرتيوژچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېرتيوژ سىزىدىغان ئىنژېنېر.

چېرتيوژچىلىق

  • چېرتيوژچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېرتيوژ سىزىش ئىشى.

چېركاۋ

  • چېركاۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورنى.

چېرىپاشكا

  • چېرىپاشكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. يېتىلگىنىنىڭ تېنى ئۇزۇن ۋە ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ، ئورمانلىق ۋە ئوت-چۆپ ئارىسىدا ياشايدۇ، دەرەخ غولىنىڭ ئۈزەك قىسمى ۋە دانلىق زىرائەتلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىقتا زىيانداش ھاشارات دەپ قارىلىدۇ.

چېرىك

  • چېرىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئەسكەر، لەشكەر:[مىسال:] چېرىك ئالماق. چېرىك تۇتماق.

چېرىكلىك

  • چېرىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېرىك قىلىدىغان ئىش، ئەسكەرلىك:[مىسال:] ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇچۇڭلۇق دېھقان بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۈچ يىل بۇرۇن چېرىكلىككە تۇتۇلغانلىقىنى، ئۆيىدە ئاتا-ئانىسى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

چېسلا

  • چېسلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ① يىلنىڭ ئاي-كۈنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋاقىت جەدۋىلى؛ كالېندار:[مىسال:] ئۇ يەردە رەسىملىك بىر چېسلا تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② كالېندار ھېسابى؛ ئاي-كۈن:[مىسال:] 10-چېسلا، 16-چېسلا.

چېسلالىق

  • چېسلالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېسلاسى بار، چېسلا قويۇپ ئىشلەنگەن، چېسلا قوشۇپ تۈزۈلگەن:[مىسال:] چېسلالىق سائەت. چېسلالىق ئاتكرىتكا.

چېقىر

  • چېقىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېشىل چاقنايدىغان، يېشىل يالتىرايدىغان:[مىسال:] چېقىركۆز.  مۇبادا، سەن بەكمۇ ئېغىر بولساڭ، چېقىر تاشلاردەك قىرغاقتا يېتىپ قالىسەن.

چېقىشتۇرماق

  • چېقىشتۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە سۈركىمەك، ئۇرۇشتۇرماق:[مىسال:] قەدىمكىلەر ئىككى نەرسىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ ياكى چېقىشتۇرۇپ ئوت ھاسىل قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② سېلىشتۇرماق، تەڭلەشتۈرمەك(قىممەت، مىقدار، چوڭ-كىچىكلىك ھەققىدە):[مىسال:] ئۆمەر باي ئۇنىڭغا:[مىسال:] قىزىڭ بالاغەتكە يەتتى ياش چېقىشتۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، دېدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋغا يەنە بىراۋنىڭ يامان گېپىنى قىلماق، چاقماق:[مىسال:] دادام كەلگەندە بىزنى ئۇ: «پاتقاق كېچىپ، كىيىم-كېچىكىنى بۇلغىدى» دەپ چېقىشتۇراتتى.

چېقىشتۇرۇلماق

  • چېقىشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «چېقىشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چېقىشقاق

  • چېقىشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېقىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، چېقىشىشقا ئامراق:[مىسال:] گۈلنىسا زېرەك، شوخ، چاقچاقنى ياخشى كۆرىدىغان چېقىشقاق قىز ئىدى.

چېقىشماق

  • چېقىشماق[يەشمىسى:] ① «چاقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەسكەرلەر مەيداندىكى چىمەنلىكلەردە، گۈلزارلىقلاردا ھەر خىل يېتىشىپ، گازىر چېقىشاتتى.[يەشمىسى:] ② چاقچاقلاشماق، ئويناشماق، ھەزىل قىلىشماق:[مىسال:] بۇ قىز قول-قولىغا تەگمەي سودا قىلىۋېتىپ، قايسىبىرلىرى بىلەن گەپتە چېقىشاتتى.

چېقىق

  • چېقىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېقىلغان، سۇنغان؛ سۇنۇق:[مىسال:] چېقىق كوزا.

چېقىل

  • چېقىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تاغنىڭ ئادەم ئۆتكىلى بولمايدىغان، ئۇيۇل تاشلىق، ئېگىز قىسمى؛ قىيا.[يەشمىسى:] ② كەلكۈن ۋە تاشقىن سۇلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، دەريا-ئېقىنلارغا قۇرۇلغان توسما:[مىسال:] ئىشلىۋەتتۇق چېقىلغا، ئوخشاپ كەتتى سېپىلغا. سىم تور بىلەن ئىشلىدۇق، بەك مۇۋاپىق ئەقىلغا.

چېقىل-چۇقۇل

  • چېقىل-چۇقۇل[يەشمىسى:] تۇرمۇشتىكى ئېغىر ياكى يەڭگىل توسالغۇ، قىيىنىچلىق، ئېغىرچىلىق:[مىسال:] قادىرئاخۇن بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ، چېقىل-چۇقۇلغا يولۇقتۇرمىدى.

چېقىلدۇرغۇچ

  • چېقىلدۇرغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەندىكى بىر ئۇچى سۈكەننىڭ ئۈگۈت چۈشىدىغان تۆشۈكىگە كىرىپ، يەنە بىر ئۇچى تاشنىڭ ئۈستىگە تېگىپ، ئۈگۈت چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ھەرىكەتچان تاياقچە:[مىسال:] تۈگمەن تېشى مەن بولسام، چېقىلدۈرغۇچى سەن بول.

چېقىلدۇرماق

  • چېقىلدۇرماق[يەشمىسى:] «چېقىلماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئاۋۋال ماۋۇ ئوتياشلارنىڭ ئىشى زۆرۈر ئەمەسمۇ، ئوتقا چېقىلدۇرۇپ قويساق، شۇنچە قىلغان ئەمگىكىمىز زايە بولۇپ كېتىدۇ.

چېقىلدۇرۇق

  • چېقىلدۇرۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «چېقىلدۇرغۇچ»قا قاراڭ.

چېقىلغان

  • چېقىلغان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاۋادا چېقىلغان چاقماقنىڭ يەرگە چۈشكەن قىسمى، چاقماق:[مىسال:] كۆڭۈل گۈلشىنىمگە تاسادىپىي چېقىلغان چۈشتى.

چېقىلماق

  • چېقىلماق[يەشمىسى:] ① «چاقماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] رومكا يەرگە چۈشۈپ چېقىلدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۇرۇنماق؛ تەگمەك:[مىسال:] تونۇمايدىغان بىرەرى ساڭىمۇ چېقىلىپ قويمىغاي يەنە.

چېقىم

  • چېقىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئۈستىدىن باشقىلارغا يەتكۈزۈلگەن خەۋەر، يالغان دوكلات:[مىسال:] كۆرسە نۇقسان يوق دەپ دەرھال ئېتەك ياپار. چېقىم ئۈچۈن ھاسا تۇتۇپ تۈندە چاپار.

چېقىمچى

  • چېقىمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ گېپىنى باشقىلارغا يامان غەرەزدە يەتكۈزىدىغان، گەپ توشۇيدىغان، بىراۋغا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ بېرىدىغان ئادەم؛ سۇخەنچى.

چېقىمچىلىق

  • چېقىمچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ گېپىنى ئۆزگەرتىپ، باشقىلارغا يامان غەرەزدە يەتكۈزۈش، بىراۋغا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ئادىتى:[مىسال:] چېقىمچىلىق قىلماق.

چېقىنⅠ

  • چېقىنⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] «چاقماقⅠ»گە قاراڭ[مىسال:] : چېقىن تاغدا كۆپرەك چاقىدۇ. قارا بولۇت قويۇق يەردە ھاۋا گۈلدۈرلەيدۇ ئەمەسمۇ؟

چېقىنⅡ

  • چېقىنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاغ قىيالىرى.

چېقىندى

  • چېقىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوت ياكى چاقماق ئۇچقۇنى:[مىسال:] تۈنلىرى بۇلۇتنى يېرىپ چىقىۋاتقان ئايغا قاراپ تەلمۈرۈشۈم، چاقماق چېقىندىلىرىنى سېغىنىشىمنىڭ ھەممىسى سەن باھارغا بولغان تەشنالىقىمنىڭ بېشارىتى ئىدى.[يەشمىسى:] ② تاش ۋە مۇز قاتارلىق قاتتىق نەرسىلەرنى پارتلىتىش ياكى چاناش، قومۇرۇش جەريانىدا ھاسىل بولغان ئۇششاق پارچىلار:[مىسال:] زەيتۇنەم مۇز-توڭ چېقىندىلىرىنى گۈرجەك بىلەن قاش تەرەپكە ئىرغىتىپ تاشلاۋاتقانىدى.[يەشمىسى:] ③ دەريا قېشىنىڭ سۇ ئۇرۇپ بۇزۇۋەتكەن جايى.

چېقىندى-چوقۇندى

  • چېقىندى-چوقۇندى[يەشمىسى:] چېقىپ-چوقۇلغان پارچە-پۇرات، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر.

چېقىندىماق

  • چېقىندىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چاقماق ياكى ئوت ئۇچقۇندىماق، ۋال-ۋۇل قىلماق:[مىسال:] توختىماي گۈلدۈرلەۋاتقان چاقماق ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدە چېقىنداۋاتاتتى.

چېكە

  • چېكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پېشانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قۇلاققا يېقىن جاي:[مىسال:] چېكە تومۇر. چېكە چاچ. چېكىگە ئاق كىرمەك.

چېكىسى ئاپتاپ كۆرمەي

  • چېكىسى ئاپتاپ كۆرمەي[يەشمىسى:] ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىمەي، ئۆزى ئەمگەك قىلماي:[مىسال:] ئەمەتنىڭ ئوغۇتلىرى تەل، شۇڭا چېكىسى ئاپتاپ كۆرمەي خامانلىرى قوشۇلۇپ بولدى.

چېكىسىگە تاڭماق

  • چېكىسىگە تاڭماق[يەشمىسى:] كۆز-كۆز قىلىپ ئۆز قولىغا ئالماق؛ ئەتىۋارلىماق، قەدىرلىمەك:[مىسال:] يامىنى كەلسە، بالىلىرىڭنى چېكەڭگە تاڭ دەيمەن، دەپ غۇدۇڭشىغىنىچە چىقىپ كەتتى ئاسىيە.

چېكىسىگە قىسماق

  • چېكىسىگە قىسماق[يەشمىسى:] «چېكىسىگە تاڭماق»قا قاراڭ.

چېكەتكە

  • چېكەتكە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. خىللىرى كۆپ بولىدۇ، سەكرەشكە ۋە ئۇچۇشقا ماھىر كېلىدۇ. دېھقانچىلىقتا زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ، ئاساسەن سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان سالىدۇ.

چېكەرمەن

  • چېكەرمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېكىملىكلەرنى چېكىشكە ئادەتلەنگەن، چېكىملىكلەرنى كۆپ چېكىدىغان؛ بەڭگى:[مىسال:] چېكەرمەن ئادەم. ∥نەشە يەنە بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن بەكرى:[مىسال:] سۇلايمان ئاكامزە زامانىمىزدىكى چېكەرمەنلەر ئىچىدە تەۋەررۈك ئادەم جۇمۇ، دېدى.

چېكىت

  • چېكىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مەلۇم نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەن نۇقتا:[مىسال:] چېكىت گۈللۈك رەخت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] يېزىقتا ئوي-پىكىرنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، جۈملىنىڭ ئاخىرىغا قويۇلىدىغان تىنىش بەلگىسى(.).

چېكىتسىز

  • چېكىتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېكىتى يوق، چېكىت قويۇلمىغان:[مىسال:] چېكىتسىز پەش. چېكىتسىز خەت.

چېكىتلىك

  • چېكىتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېكىتى بار، چېكىت قويۇلغان:[مىسال:] چېكىتلىك پەش. چېكىتلىك مۇنچاق.

چېكىتمە

  • چېكىتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ①>گۈزەل سەنئەت<[يەشمىسى:] جۇڭگوچە رەسىمدىكى پەشسىمان چېكىت ۋە سىزىقلارنىڭ جەملەنمىسى ئارقىلىق شەيئىلەرنى تەسۋىرلەيدىغان بىر خىل سىزىش ئۇسۇلى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئۇسسۇل<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ بىر خىلى:[مىسال:] ئۇلار ئوغلىنى چۆرىدەپ چېكىتمىگە دەسسىدى.

چېكىشمەكⅠ

  • چېكىشمەكⅠ[يەشمىسى:] «چەكمەكⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چېكىشمىگۈچە بېكىشمەس(ماقال).

چېكىشمەكⅡ

  • چېكىشمەكⅡ[يەشمىسى:] «چەكمەكⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىز يولنىڭ چېتىگىرەك چىقىپ، بىر ئورامدىن چېكىشتۇق.

چېكىلمە

  • چېكىلمە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۈستىگە خەت، نەقىش ياكى باشقا بەلگىلەر چېكىلگەن:[مىسال:] چېكىلمە نەقىش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] قەدىمكى زامانلاردىكى ئۈستىگە خەت ياكى باشقا بەلگىلەر چېكىلگەن خاتىرە تاش.

چېكىلمەكⅠ

  • چېكىلمەكⅠ[يەشمىسى:] ①«چەكمەكⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] چېچەكتە چېكىلمىگەن قىزىلدا قىرىلار(ماقال).[يەشمىسى:] ② ئاغرىماق، رەنجىمەك، ئازار يېمەك:[مىسال:] كۆڭلى چېكىلمەك.

چېكىلمەكⅡ

  • چېكىلمەكⅡ[يەشمىسى:] «چەكمەكⅡ» پېئلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] تاماكا چېكىلىشكە باشلىۋىدى. ياتاق ئىچى بىردەمدىلا ئىس-تۈتەككە تولدى.

چېكىلمەكⅢ

  • چېكىلمەكⅢ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] پىشىشقا يېقىنلاشماق، ئالا بولماق، سارغايماق، تەم كىرمەك(مېۋە-چېۋە ھەققىدە):[مىسال:] ئۈزۈم چېكىلدى.

چېكىلىك

  • چېكىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شەپكە، قۇلاقچا قاتارلىق باش كىيىملىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلىدىغان قىسمى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تىكىلىدىغان باش كىيىمنىڭ چېكىسى ئۈچۈن تەييارلانغان، چېكىگە ئاتاپ كېسىلگەن:[مىسال:] چېكىلىك رەخت.[يەشمىسى:] چېكىلىك قەغەز.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئات، ئېشەكلەر نوختىسىنىڭ چېكىگە توغرا كېلىدىغان يېرى:[مىسال:] نوختىنىڭ چېكىلىكى. چېكىلىكى بار نوختا.

چېكىلىمەك

  • چېكىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياغلىق ياكى لاتا بىلەن باشنىڭ چېكە قىسمىنى تاڭماق؛ چىگمەك:[مىسال:] شەرىخان ئىككى ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ئالمان-تالمان بېشىدىكى ياغلىقىنى ئېلىپ، پېشانىسىگە چىڭ چېكىلىدى.

چېكىمⅠ

  • چېكىمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېكىمى بار، چېكىم چېكىلگەن:[مىسال:] چېكىم دوپپا. چېكىم گۈللۈك رەخت.

چېكىمⅡ

  • چېكىمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] بىر قېتىم چېكىلىدىغان، بىر چېكىشكە يېتىدىغان، بىر ئورام(چېكىملىك ھەققىدە):[مىسال:] بىر چېكىم تاماكا.  شاتىر دورغا قېرى سارايۋەندىن بىر چېكىم ناس ئېلىپ، كالپۇكىنىڭ ئاستىغا سالدى.

چېكىم-چېكىم

  • چېكىم-چېكىم[يەشمىسى:] نۇرغۇن چېكىم، نۇرغۇن چېكىم چېكىلگەن:[مىسال:] قارا قۇمچاق قىزنىڭ بېشىدا گۈللۈك دوپپا، ئۈستىدە چېكىم-چېكىم گۈلى بار ئاددىي چىت كۆڭلەك بولۇپ، ئىككى تال تاش مارجاننى يىپقا ئۆتكۈزۈپ بوينىغا ئېسىۋالغانىدى.

چېكىملىك

  • چېكىملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېكىلىدىغان، چېكىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسە (ئەپيۈن، نەشە، ناس، تاماكا قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] چېكىملىك ساتماق.

چېكىندۈرمەك

  • چېكىندۈرمەك[يەشمىسى:] «چېكىنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دۈشمەن چېرىكلىرىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىتىپ، سۇنىڭ نېرىسىغا چېكىندۈردى.

چېكىندۈرۈلمەك

  • چېكىندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «چېكىندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شۇنىڭ نەتىجىسىدە، خوجا ئەكبەر پادىشاھنىڭ بىرقانچە قېتىملىق شىددەتلىك ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلۈپتۇ.

چېكىنمەك

  • چېكىنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يانماق، كەينىگە سۈرۈلمەك:[مىسال:] ئارقىغا چېكىنمەك.[يەشمىسى:] ② دۈشمەننىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن، ئەسلىي ئىستىھكاملىرىنى تاشلاپ، ئارقىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولماق، ئارقىغا يانماق:[مىسال:] دۈشمەنلەردىن ئۈچى يىقىلدى، قالغانلىرى كەينىگە چېكىندى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىقىپ كەتمەك(مەكتەپ، خىزمەت، پارتىيە-گۇرۇھ قاتارلىقلاردىن):[مىسال:] بىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ كەتكەندە، ئۇ ئىككىنچى سىنىپتا قالدى ۋە ئاخىرى مەكتەپتىن چېكىندى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئارقىغا يانماق، ئازايماق(بىلىم، سەۋىيە ھەققىدە):[مىسال:] ئادەمنىڭ قابىلىيىتى بەلگىلىك ياشقا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ چېكىگە يېتىدۇ، ئاندىن كېيىن تەدرىجىي كەينىگە چېكىنىدۇ.

چېكىنىشمەك

  • چېكىنىشمەك[يەشمىسى:] «چېكىنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇسسۇلچىلار بىر مەيدان ھۆرمەت ئۇسسۇلىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئىككى يانغا چېكىنىشتى.

چېگەلەك

  • چېگەلەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] لوپ كەندىرى، ياۋا كەندىر.

چېگرا

  • چېگرا[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە قوشنا، يېقىن، يانداش بولغان دۆلەت، ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە، رايون قاتارلىقلارنىڭ زېمىن ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش، ئاجرىلىش سىزىقى؛ پاسىل:[مىسال:] چېگرا بەلگىلىمەك. دۆلەت چېگىرىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېگرا ئەتراپىغا جايلاشقان؛ چەت، ياقا:[مىسال:] چېگرا رايون.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىككى نەرسىنىڭ دائىرە چېكى:[مىسال:] سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كونا-يېڭى بىلىملەرنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق ئاجرىتىش لازىم.

چېگرىداش

  • چېگرىداش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر ئومۇمىي چېگرىغا ئىگە بولغان، يانمۇيان جايلاشقان؛ قوشنا:[مىسال:] چېگرىداش رايون. چېگرىداش دۆلەت.

چېگرىداشلىق

  • چېگرىداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ئومۇمىي چېگرىغا ئىگە بولۇش، قوشنىدارچىلىق.

چېگرىلانماق

  • چېگرىلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا تۇتاشماق، يانمۇيان جايلاشماق، چېگرىداش بولماق:[مىسال:] ئۇ بىزگە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ قەيەرلەر بىلەن چېگىرىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ياۋروپادىكى دەريالارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

چېلەكⅠ

  • چېلەكⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇ ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلارنى ساقلاش ۋە توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، قەلەيدىن ياسىلىدىغان سىلىندىر شەكىللىك قاچا:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلارغا بىر چىنە سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىدە بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، چېلەك بىلەن كەملىنىدىغان سۇيۇقلۇق ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر چېلەك سۇ. ئىككى چېلەك ياغ.

چېلەكⅡ

  • چېلەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بارماقتەك ياغاچتىن قوشۇش بەلگىسى شەكلىدە ياسالغان، قول بىلەن چۆرۈپ يىپ ئېگىرىدىغان ئەسۋاب:[مىسال:] چېلەك بىلەن يىپ ئېگىرمەك.[يەشمىسى:] ② قوناق شېخى قاتارلىقلارنىڭ ئۈگىلىرى ئارىلىقىدىكى ھەربىر بۆلىكى:[مىسال:] قوناق چېلىكى.  ئەزىز قولىدىكى شېكەر قومۇشىنىڭ بىر چېلىكىنى ماڭا، يەنە بىر چېلىكىنى ئۇكىسىغا بەردى.

چېلەكلەپ

  • چېلەكلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] چېلەككە قاچىلاپ، چېلەك بىلەن كەملەپ، چېلەك بىلەن:[مىسال:] چېلەكلەپ سۇ توشۇماق.

چېلو

  • چېلو[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ئىسكىرىپكىنىڭ بىر خىلى. تۈزۈلۈشى ئىسكىرىپكىدىن تۆت-بەش ھەسسە چوڭ، ئاۋازى ئالتقا قارىغاندا بىر ئوكتىۋا پەس كېلىدۇ.

چېلىش

  • چېلىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا، ئىككى ئادەم قۇچاقلىشىپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ كۈچى ۋە ماھارىتىگە تايىنىپ، قارشى تەرەپنى يىقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] جەڭ، كۈرەش:[مىسال:] كەلدى ئېسىل گۈلباھار، پەسسىللەرنىڭ ئەركىسى. ئاڭلىنىدۇ ئەتراپتىن، جەڭ-چېلىشنىڭ نەغمىسى.

چېلىشتۇرماق

  • چېلىشتۇرماق[يەشمىسى:] «چېلىشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بەگ-غوجىلار ئوردىدا بېقىلىۋاتقان چېلىشقاق زەڭگىلىرىنى پات-پات چېلىشتۇرۇپ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىراتتى.

چېلىشچان

  • چېلىشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن جەڭ، كۈرەش قىلىدىغان، كۈرەشچان:[مىسال:] يېڭى پەللىگە ئات سالدى، چېلىشچان خەلقىمىز بىزنىڭ. زەپەر قۇچماقتا ئۆتكەلدە، بۇ ئازاد دەۋرىمىز بىزنىڭ.

چېلىشچانلىق

  • چېلىشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېلىشقا، كۈرەشكە ئامراقلىق:[مىسال:] بىز ئەزەلدىن چېلىشچان خەلق، چېلىشچانلىق بىزگە ئاتا كەسپى.

چېلىشچى

  • چېلىشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، چېلىشقا ماھىر ئادەم:[مىسال:] «قادىر بۇقا» دەپ ئاتىلىدىغان چېلىشچى يەنە بىر چېلىشچىنى گۇپلا قىلىپ بېسىۋالغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۈرەشچى:[مىسال:] مەن باتۇر بۈگۈن ئىشتا، چېلىشتا، مەيدانغا سەكرەپ، ئېتىلىپ چۈشتۈم. قايتا تۇغۇلدۇم، چېلىشچى بولدۇم، يېڭى ھاياتقا ئەمدى مەن كۆچتۈم.

چېلىشچىلىق

  • چېلىشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چېلىش بىلەن شۇغۇللىنىش، چېلىشقا ئائىت ماھارەت ۋە ھۈنەر:[مىسال:] شۇ كۈنى ئۇ سۇڭجاڭغا ئىلتىجا قىلپ:[مىسال:] -پېقىر بولسام كىچىكىمدىن تارتىپ لۈ تۆرەمدىن چېلىشچىلىقنى ئۆگىنىپ كەلگەنىدىم، -دېدى.

چېلىشخۇمار

  • چېلىشخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، چېلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، چېلىشىشقا ئامراق:[مىسال:] چېلىشخۇمار ئادەم.

چېلىشقاق

  • چېلىشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چېلىشقا ئۇستا، چېلىشقا ئامراق:[مىسال:] چېلىشقاق يىگىت.

چېلىشماقⅠ

  • چېلىشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىسمانىي جەھەتتىن ئېلىشماق، بەل تۇتۇپ كۈچ سىناشماق:[مىسال:] باي بىلەن دەۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مەقسەت، نىشان يولىدا جەڭ قىلماق، كۈرەش قىلماق، كۈچ چىقارماق:[مىسال:] ئەل بىرلىكى بولسا، باشقا ئىشلارنى قىلماق ئاسان بولىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ، بىللە چېلىشىمىز، ئەلنى رازى قىلىمىز دېدى ئۇ.

چېلىشماقⅡ

  • چېلىشماقⅡ[يەشمىسى:] «چالماقⅠ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مېنىڭ زوقۇم كېلىپ، بەختىگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. بالىلارمۇ كۈلۈشۈپ چاۋاك چېلىشتى.

چېلىشماقⅢ

  • چېلىشماقⅢ[يەشمىسى:] «چالماقⅡ» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چېلىقتۇرماق

  • چېلىقتۇرماق[يەشمىسى:] «چېلىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ كوچىلاردا چېچى ئۆسكەن بالىلارنى چېلىقتۇرسا، ئېرىق بويلىرىدا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ، چۈشۈرۈپ قوياتتى.

چېلىقماق

  • چېلىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يولۇقماق، ئۇچراشماق، كۆرۈنمەك:[مىسال:] يۇلغۇن تۈپلىرىلا بۇ ئوتلۇق دەشتتە بىردىنبىر ھايات بەلگىسى سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقاتتى.

چېلىنماقⅠ

  • چېلىنماقⅠ[يەشمىسى:] «چالماقⅠ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ناغرا چېلىنماق. مۇزىكا چېلىنماق. چاۋاك چېلىنماق.

چېلىنماقⅡ

  • چېلىنماقⅡ[يەشمىسى:] «چالماقⅡ» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چېمپىيون

  • چېمپىيون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا، غالىب چىققان، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن شەخس ياكى كوماندىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان ۋە شۇ ئۇنۋانغا ئېرىشكەن شەخس ياكى كوماندا:[مىسال:] چېمپيون بولماق. پۇتبول چېمپىيونى.

چېمپىيونلۇق

  • چېمپىيونلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچى بولۇش، بىرىنچىلىك:[مىسال:] شەھەر بويىچە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

چېنەتمەك

  • چېنەتمەك[يەشمىسى:] «چېنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چېنەشمەك

  • چېنەشمەك[يەشمىسى:] «چېنىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چېنەك

  • چېنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قورۇلغا ئېلىپ ئاتىدىغان نىشان؛ بەلگە، قارا:[مىسال:] چېنەككە ئاتماق. چېنەككە تەگكۈزمەك.

چېنەلمەك

  • چېنەلمەك[يەشمىسى:] «چېنىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] نامايان بولۇپ بۇ يول ھەم، مەرگەن قىزنىڭ خىسلىتى. چېنەلگەن ئوق سارايغا، بولدى ئەجەل دەھشىتى.

چېنىشماق

  • چېنىشماق[يەشمىسى:] ① «چانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئەمىلى ئۆسكەن بىرمۇنچە كىشىلەر ئاددىي كادىر ۋاقتىدا ئالغان قەدىناس خوتۇنلىرىدىن چېنىشىپ، خوتۇن يېڭىلاشنىڭ كويىدا يۈرۈشىۋاتىدۇ.[يەشمىسى:] ② مۇۋاپىقلىشالماي قالماق، چانماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يالغان سۆزلىرى شۇ ھامان چېنىشىپ قالدى.

چېنىقتۇرماق

  • چېنىقتۇرماق[يەشمىسى:] «چېنىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كادىرلارنى چېنىقتۇرماق.

چېنىقتۇرۇلماق

  • چېنىقتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «چېنىقتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چېنىقماق

  • چېنىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئىش، ئەمگەك ياكى جىسمانىي تەربىيە بىلەن ئورگانىزمنىڭ ھەرقانداق ئېغىر شارائىت، ئاغرىق-سىلاق قاتارلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرماق؛ تاۋلانماق، پىشماق:[مىسال:] ئوينىساڭ قېنىپ-قېنىپ، ساپ ھاۋادا كەڭ تىنىپ. چېنىقىدۇ بەدەنمۇ، ئالقىشلايدۇ ۋەتەنمۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەمەلىي خىزمەت، تەجرىبە جەريانىدا يېتىلمەك؛ تاۋلانماق، تەربىيىلەنمەك:[مىسال:] ئۇ 20 نەچچە يىللىق ئەمەلىي خىزمەتتە ئوبدانلا چېنىقىپ، مۇھىم، كېرەكلىك ئادەمگە ئايلانغانىدى.

چېنىقىشماق

  • چېنىقىشماق[يەشمىسى:] «چېنىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چېنىمەك

  • چېنىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تاش ياكى مىلتىق قاتارلىق ئېتىش قورالى بىلەن بىرەر نۇقتىنى نىشانغا، قارىغا ئالماق:[مىسال:] شاھزادە مىلتىقنى ئېلىپ، چېقىر كۆزلىرىنى قىسقان ھالدا قىزىل كۆڭلەكنى چېنىدى.[يەشمىسى:] ② ئۆلچىمەك، دەللىمەك، توغرىلىماق:[مىسال:] ساۋۇت ئاخۇننىڭ مىجەزى ئېغىر بولغىنى بىلەن، گەپنى چېنەپ ئۆلچىگەندەك تولۇق قىلاتتى.

چېھرە

  • چېھرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① يۈز، چىراي، بەت، ئەپت؛ كۆرۈنۈش:[مىسال:] ئۇ شۇ ئولتۇرۇشىدا، خىيالەن ھەۋزىنىسانى ئۆز يېنىغا ئەكىلىپ باقتى. لېكىن، ئۇنىڭ ئېنىق چېھرىسىنى كۆرەلمىدى.

چېھرىلىك

  • چېھرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايلىق، كېلىشكەن:[مىسال:] تۇرىدۇ گۈل چېھرىلىك شائىر يىگىت، تۇرىدۇ پۈركىلىپ گۈل-چېچەكلەرگە، ئاپىرىن بۇ چىمەننىڭ نەققاشىغا، ئاپىرىن يەتكۈزۈپتۇ تىلەكلەرگە

چېۋە

  • چېۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىرىق، تېقىم:[مىسال:] بالىنىڭ چېۋىسى پىشلاق بولۇپ قاپتۇ، ئازراق ئۇپا بېسىپ قويۇش كېرەك.

چېۋەر

  • چېۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۇستا، ماھىر؛ ئىش-ھەرىكەتتە چاققان، چەبدەس:[مىسال:] چېۋەر ئايال.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دانا؛ ئەقىللىق، ئىقتىدارلىق:[مىسال:] چېۋەر يول باشچى. چېۋەر داھىي.

چېۋەرلىك

  • چېۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوستىلىق؛ چاققانلىق، چەبدەسلىك:[مىسال:] چاقماقتەك سۆزلەۋاتقان ئايىمخان چېۋەرلىك بىلەن چاي قۇيۇپ، شائىرغا سۇندى.

چى

  • چى[سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ئېلىمىزدە قوللىنىلغان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر چى 10 سۇڭ بولىدۇ، يەنى 33 سانتىمېتىرغا تەڭ.

چىبەرقۇت

  • چىبەرقۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختىدىن ئوڭ يۈزىگە موي چىقىرىپ توقۇلىدىغان يوللۇق رەخت:[مىسال:] قارا چىبەرقۇت. ∥چىبەرقۇت چاپان.

چىبرى

  • چىبرى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالتە ياشتىن ئۆتكەن قوي.

چىپⅠ

  • چىپⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇقنىڭ يۇقىرىدىن تامچىلاپ چۈشۈشى قاتارلىق ھاللاردا ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.

چىپⅡ

  • چىپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① بولۇۋاتقان سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت توختاش ھالىتى:[مىسال:] قاۋانلىقنى ئاچىمىز دەۋاتىمىز، ئەتە-ئۆگۈن تېخى قاشنىڭ سۈيىنى چىپلا توختىتىپ ئېتىزلارغا باشلايمىز، توك زاۋۇتلىرىنى ياسايمىز.[يەشمىسى:] ② دەل، مۇۋاپىق، باب:[مىسال:] چىپ كەلمەك.

چىپار

  • چىپار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاق بىلەن قارا ياكى باشقا رەڭلەرنىڭ چېكىت-چېكىت ئارىلىشىپ كېلىشىدىن ھاسىل بولغان؛ چار(ھايۋان ۋە نەرسە ھەققىدە):[مىسال:] بىزدىن بەش-ئالتە قەدەم نېرىدا، يوغان بىر چىپار يىلان تۈگۈلۈپ ياتاتتى.

چىپارئوت

  • چىپارئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چىپار+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى بىر تال بولۇپ تىك ئۆسىدۇ؛ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، زەھەرسىز؛ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، زەھەرنى تارقىتىدۇ، ياللۇغنى تارقىتىپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ. ئۇ تاغ جىلغىلىرى ۋە تاغ باغرى قاتارلىق نەم، سايە جايلاردا ياخشى ئۆسىدۇ، ئالتاي، تىيانشان تاغلىرىدىن كۆپ چىقىدۇ.

چىپپىدە

  • چىپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① توساتتىن، بىردىنلا:[مىسال:] قانداقتۇر بىر تاراڭشىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ماشىنا ماتورى چىپپىدە ئۆچۈپ، يېڭى ماتورمۇ ھەرىكەتتىن توختاپ قالدى.[يەشمىسى:] ② ھەممە يېرىدىن چىپ-چىپ ئېقىپ:[مىسال:] چىپپىدە تەر چىقماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەلمۇدەل:[مىسال:] چىپپىدە چۈشمەك.

چىپتا

  • چىپتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەندىر يىپىدىن توقۇلغان قاپ؛ تاغار.

چىپچا

  • چىپچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جۇۋازنىڭ ياغ چىقىدىغان تۆشۈكىگە تىقىپ قويىدىغان ياغاچ.

چىپ-چاپ

  • چىپ-چاپ[يەشمىسى:] نان ياكى گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى چاينىغاندا، ئېغىزدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] چىپ-چاپ قىلماق.  مىڭ كاپ-كاپتىن بىر چىپ-چاپ ئەلا(ماقال).

چىپ-چىپ

  • چىپ-چىپ[يەشمىسى:] چىلىق-چىلىق؛ پۈتۈنلەي:[مىسال:] مەن چىپ-چىپ تەرلەپ كەتتىم.

چىپمۇچىپ

  • چىپمۇچىپ[يەشمىسى:] قۇيۇپ قويغاندەك، دەلمۇدەل، ھىمزىرھىم:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاپئاق دىچۆلياڭ كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىمۇ چىپمۇچىپ كەلگەن، شاپ بۇرتى چىرايلىق ياسالغانىدى.

چىپىلداتماق

  • چىپىلداتماق[يەشمىسى:] «چىپىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىپىلداشماق

  • چىپىلداشماق[يەشمىسى:] «چىپىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىپىلدىماق

  • چىپىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چىپ-چىپ» قىلىپ ئاقماق، تامماق (تەر ياكى سۇ ھەققىدە):[مىسال:] ۋالىي سېمىز بويۇنلىرىدىن چىپىلداپ چۈشۈۋاتقان تەر تامچىلىرىنى سۈرتتى-دە، قىر بېشىدا ئولتۇردى.

چىتⅠ

  • چىتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پاختا يىپىدىن توقۇلغان گۈللۈك رەخت:[مىسال:] چىت كۆڭلەك. چىت كۆرپە.

چىتⅡ

  • چىتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىراۋنىڭ كىرمەسلىكى ياكى مەلۇم نەرسىدىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن تام ئۈستىگە ياكى نەرسىنىڭ ئەتراپىغا ئورنىتىلغان شاخ-شۇمبا، شوخا، تىكەن، قومۇش قاتارلىق نەرسىلەر:[مىسال:] تامغا چىت قويۇشنى موماي بىلەن ئىككىمىزمۇ تۈگىتەلەيمىز، دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ نەرسىلەر بىلەن ياسالغان توسۇق:[مىسال:] چىتتىن ئاتلاپ باغقا كىرىش ناھايىتى تەس ئىدى.

چىتەن

  • چىتەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھارۋىنىڭ چۆرىسىگە قويىدىغان توسۇق.[يەشمىسى:] ② ئوت-چۆپ، سامان قاچىلايدىغان سېۋەت شەكىللىك چوڭ بورا قاچا؛ باداڭ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شاخ-شۇمبا، يانتاق، تىكەن، قومۇش قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قورشالغان توسۇق؛ تىكەنلىك تام، قاشا، چىت.

چىتلاتماق

  • چىتلاتماق[يەشمىسى:] «چىتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىتلاشماق

  • چىتلاشماق[يەشمىسى:] «چىتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىتلاق

  • چىتلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىت بىلەن قورشالغان توسۇق.

چىتلانماق

  • چىتلانماق[يەشمىسى:] «چىتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئەتراپى جىگدە بىلەن چىتلانغان باغنىڭ ئىچىگە كىردى.

چىتلىق

  • چىتلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىت بىلەن قورشالغان، چىت قويۇلغان:[مىسال:] ئاشۇ كۆرۈنگەن چىتلىق باغ بىزنىڭ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاخ-شۇمبا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن قورشالغان ئورۇن:[مىسال:] ئۇلار كېمە بار يەرگە بېرىپلا دەرەخ كېسىپ، چىتلىق ياساپ، ۋاقىتلىق ئۆي قىلىۋالدى.

چىتلىماق

  • چىتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] شاخ-شۇمبا، قومۇش، تىكەن قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىرەر دائىرىنى توسماق؛ قورشىماق:[مىسال:] ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى كۆچەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھاكلاپ، ئەتراپىنى چىتلىدى.

چىچاڭ

  • چىچاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھايۋانلارنىڭ تېزەكلەش ئەزاسىنىڭ ئەتراپى:[مىسال:] ئاتنىڭ چىچاڭىغا بىرنى سالماق.[يەشمىسى:] ② دۆيلۈش، چاپچىش:[مىسال:] چىچاڭ ئاتماق.

چىچاڭلاتماق

  • چىچاڭلاتماق[يەشمىسى:] «چىچاڭلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىچاڭلاشماق

  • چىچاڭلاشماق[يەشمىسى:] «چىچاڭلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىچاڭلىماق

  • چىچاڭلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئارقا ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تېپچەكلىمەك، ھۆڭگىرەكلىمەك(ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] تېخى تولۇق كۆنمىگەن تورپاق بىر چىچاڭلاپ، بېشىدىكى كۇلىنى ئۈزۈۋەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن قاتتىق ئاچچىقلانماق، كايىماق، تېرىكمەك، بەك خاپا بولماق:[مىسال:] بۇ گەپ ئۇنىڭ تازا جېنىغا تېگىپ چىچاڭلاپ كەتتى.

چىچقاق

  • چىچقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپ چىچىدىغان، تەرىتىنى (پوقىنى) كونترول قىلالمايدىغان:[مىسال:] چىچقاق بالا. چىچقاق كالا. چىچقاق پاقلان.

چىچقۇلۇق

  • چىچقۇلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بېلىقنىڭ تەرەت يولى.

چىچماق

  • چىچماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چوڭ تەرەت قىلماق؛ تېزەكلىمەك، ماياقلىماق:[مىسال:] ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ، چىچقان يەردە پوق قالىدۇ (ماقال).

چىچۇرماق

  • چىچۇرماق[يەشمىسى:] «چىچماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىچىرغا

  • چىچىرغا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاپتالغا بېكىتىلگەن ھالقا تاسما.

چىچىشماق

  • چىچىشماق[يەشمىسى:] «چىچماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىداشلىق

  • چىداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇزۇن چىدايدىغان، مۇستەھكەم، مەزمۇت:[مىسال:] ئەشرەپ بوۋاي قۇرغاقچىلىققا چىداشلىق بىرنەچچە خىل كۆممىقوناق سورتىنى سىناق قىلدى.

چىداشماق

  • چىداشماق[يەشمىسى:] «چىدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇ تاپا-تەنىلەرگە چىدىشالماي چاپانلىرىنى سېلىشىپ مۇشت كۆتۈرۈشكە تاس قالدى.

چىدام

  • چىدام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاقەت؛ سەۋر، غەيرەت، بەرداش:[مىسال:] ئۇ چىدام بىلەن ياشايتتى، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايتتى.

چىدامسىز

  • چىدامسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىدىمايدىغان، بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، تاقەت قىلالمايدىغان، سەۋرسىز:[مىسال:] چىدامسىز بالا. قۇرغاقچىلىققا چىدامسىز ئۆسۈملۈك.[يەشمىسى:] ② ئۇزاق خىزمەت قىلمايدىغان، چىدىمايدىغان؛ بوش:[مىسال:] ئېرىتىلگەن پولاتنىڭ ھەممىسى يارامسىز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مۇنداق پولات چىدامسىز كېلىدۇ.

چىدامسىزلىق

  • چىدامسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، چىدىماسلىق:[مىسال:] ئۆزۈمنىڭ چىدامسىزلىقى مېنى مەغلۇپ قىلدى.

چىداملىق

  • چىداملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىدىيالايدىغان، سەۋر-تاقەتلىك؛ بەرداشلىق:[مىسال:] چىداملىق بالا. چىداملىق ئايال.  ئۇ ھەرقانداق جىسمانىي ئەمگەكلەر كەلگەندە چاققان ۋە چىداملىق ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئۆز خۇسۇسىيىتىنى ئاسان يوقاتمايدىغان، چىدايدىغان؛ مۇستەھكەم، پىششىق، پۇختا، مەزمۇت:[مىسال:] ئوتقا چىداملىق خىش. چىداملىق رەخت.

چىدىغۇسىز

  • چىدىغۇسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىدىغىلى، تاقەت قىلغىلى بولمايدىغان، بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان:[مىسال:] چىدىغۇسىز ئاغرىق. چىدىغۇسىز ئىسسىق. چىدىغۇسىز ئەلەم.

چىدىماس

  • چىدىماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تاقەت قىلالمايدىغان، سەۋرسىز، چىدىمايدىغان:[مىسال:] چىدىماس ئادەم. ∥چىدىماسنىڭ ئۆيى پايلىماسنىڭ قېشىدا (ماقال).

چىدىماسلىق

  • چىدىماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەرداشلىق بېرەلمەسلىك؛ مەزمۇن تۇرالماسلىق؛ نامەردلىك، يېنىۋېلىش:[مىسال:] ھېچ بولمىسا بايىقى 30 كوينىمۇ قايتۇرۇپ بېرەرلا، دېدى سىدىق، بۇ چىدىماسلىققۇ سىدىق، دەپ جاۋاب بەردى كېرىمئاخۇن.

چىدىماق

  • چىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەرداشلىق بەرمەك، سەۋر، تاقەت قىلماق:[مىسال:] ئاغرىققا چىدىماق. قىيىنچىلىققا چىدىماق. سوغۇققا چىدىماق.[يەشمىسى:] ② ئۆز خۇسۇسىيىتىنى ئۇزۇن ساقلىماق؛ كۆپ ئىشلىمەك، پاي بەرمەك؛ پايلىماق:[مىسال:] مېنىڭ ئايىغىم سىلىق، بىر ئۆتۈك ماڭا يەتتە-سەككىز يىل چىدايدۇ.

چىر

  • چىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چېكەتكە قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ سايرىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] چېكەتكە «چىر-چىر» قىلىپ چىرىلداۋاتىدۇ.

چىراغ

  • چىراغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆي-ئىمارەتلەرنى يورۇتۇش ۋە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى؛ لامپا:[مىسال:] جىن چىراغ. قارا چىراغ. چىراغ نۇرى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارغا ئاتىدارچىلىق قىلغۇچى، باشپاناھ:[مىسال:] يۇرتنىڭ چىرىغى.

چىراغپاي

  • چىراغپاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ياغاچ ياكى مېتالدىن چىراغ قويۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمان:[مىسال:] چىراغپايدا چاي ئىچكەن «چېچەن»نى كۆرۈڭ (ماقال).

چىراغچى

  • چىراغچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① كوچا ياكى ساراي چىراغلىرىنى يېقىش، يورۇتۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] فوتوگرافىيە، كىنوچىلىق ۋە سەھنە ئويۇنلىرىدىكى چىراغ باشقۇرغۇچى خادىم.

چىراغدان

  • چىراغدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «چىراغپاي»غا قاراڭ.

چىراي

  • چىراي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھۆسن، جامال، كۆرك، يۈز، بەت:[مىسال:] چىراي كۆرۈپ ھال سورا (ماقال). چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس(ماقال).

چىرايىغا قان يۈگۈرمەك

  • چىرايىغا قان يۈگۈرمەك[يەشمىسى:] كۆڭلى ئەمىن تاپماق، ئېسى جايىغا چۈشمەك، خاتىرجەم بولماق:[مىسال:] ئىلىكنىڭ ئاخىرقى سۆزىنى ئاڭلاپ، بوۋاينىڭ چىرايىغا ئازراق قان يۈگۈردى.

چىراي-شەكىل

  • چىراي-شەكىل[يەشمىسى:] ھۆسن-جامال، قەددى-قامەت، كۆرۈنۈش، قىياپەت قاتارلىقلار.

چىرايلىق

  • چىرايلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كېلىشكەن، گۈزەل:[مىسال:] چىرايلىق يىگىت.  چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېقىملىق، كۆڭۈلگە ياقىدىغان:[مىسال:] چىرايلىق گەپ. چىرايلىق ئىش.  چىرايلىق يۈزدە ئەمەس، سۆزدە(ماقال).

چىرايلىقچە

  • چىرايلىقچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ياخشىلىقچە، ياخشىلىق بىلەن، چىرايلىق، ياۋاشلىق بىلەن:[مىسال:] بەزىلەر دەرھال ئۆزىنى ئېلىپ، چىرايلىقچە قۇتۇلدى.

چىرايلىقلاشماق

  • چىرايلىقلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىرايلىق ھالەتكە كەلمەك؛ گۈزەللەشمەك:[مىسال:] ئۇ يەنە قايتىدىن قىز ۋاقتىدىكىدەك قېلىپىغا كەلدى، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ، چىرايلىقلىشىپ كەتتى.

چىرت

  • چىرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① قۇشقاچ بالىلىرىنىڭ سايرىشىدىن چىققان ئاۋاز ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنىڭ تۈكۈرۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] شاتۇر «چىرت» قىلىپ ئاغزىدىن ناسۋالنى يەرگە تۈكۈردى.

چىرتتىدە

  • چىرتتىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چىرت» قىلغان ھالدا، «چىرت» قىلىپ:[مىسال:] سادىق سالمىقىنى بىر پۇتىدىن يەنە بىر پۇتىغا يۆتكىدى ۋە چەتكە قاراپ چىرتتىدە تۈكۈردى.

چىرتىڭ-پىرتىڭ

  • چىرتىڭ-پىرتىڭ[يەشمىسى:] ئەرزىمەس؛ ئۇششاق-چۈششەك، پارچە-پۇرات:[مىسال:] چىرتىڭ-پىرتىڭ ئىش. چىرتىڭ-پىرتىڭ گەپ.

چىر-چىر

  • چىر-چىر[يەشمىسى:] «چىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] دەريانىڭ نېرىقى لېۋىدە چېكەتكىلەرنىڭ «چىر-چىر» قىلغان ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

چىررىدە

  • چىررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چىر» قىلغان ھالدا، «چىر» قىلىپ.

چىرس

  • چىرس[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مۇز، ئەينەك قاتارلىقلارنىڭ سۇنۇشىدىن، قۇرۇق ئوتۇننىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] كۆزەينەك «چىرس» قىلىپ قالدى-دە، بوۋاينىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى.

چىرسىلدىماق

  • چىرسىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چىرس-چىرس» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] چىرسىلداپ كۆيمەك.

چىرقىراتماق

  • چىرقىراتماق[يەشمىسى:] «چىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنى سىلى يوق ۋاقىتتا چىمدىپ چىرقىرىتىپ، جېنىنى ئېلىپ يەرگە قويدى، دېدى ئۇ.

چىرقىراشماق

  • چىرقىراشماق[يەشمىسى:] «چىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] شۇ زامان ھاۋانى بىرتالاي مىلتىق ئوقى كېسىپ ئۆتتى. ئاياللار، بالىلار چىرقىرىشىپ كەتتى.

چىرقىراق

  • چىرقىراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرقىراپ تۇرىدىغان، چىرقىراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، چىرقىرايدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاۋازى چۈجە خورازنىڭ ئاۋازىدەك زىل ۋە چىرقىراق ئىدى.

چىرقىرىغاق

  • چىرقىرىغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرقىراپ يۈرىدىغان، چىرقىراشقا ئادەتلەنگەن:[مىسال:] چىرقىرىغاق بالا. چىرقىرىغاق قىز.

چىرقىرىماق

  • چىرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چىر-چىر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، ئىنچىكە ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىماق:[مىسال:] ئۇ ناخشىسىنى بىرلا چىڭ باشلىۋەتكەچكە، ئاۋازى بوغۇلۇپ چىرقىراپ كەتتى.[يەشمىسى:]

چىركىن

  • چىركىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بۇلغانغان، مەينەت، كىر:[مىسال:] چىركىن نەرسە. چىركىن سۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاينىغان، بۇزۇلغان، رەزىللەشكەن، قارانىيەت، ئىپلاس:[مىسال:] چىركىن ئادەم. ∥ تۆمۈر ئاكا، بۇ چىركىنگە مۇنداق گەپلەرنىڭ نېمە كېرىكى بار

چىرماتماق

  • چىرماتماق[يەشمىسى:] «چىرمىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىرماش

  • چىرماش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىرمىشىپ كەتكەن:[مىسال:] بۇ يىپ ناھايىتى چىرماش، ئۇچىنى تاپقىلى بولمىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مۇرەككەپ، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان:[مىسال:] قادىرنى بىر-بىرىدىن ئېغىر ۋە چىرماش ئوي-خىياللار چۇلغىۋالغانىدى.

چىرماشتۇرماق

  • چىرماشتۇرماق[يەشمىسى:] «چىرماشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ ئىككى تال قىزىلگۈل غۇنچىسى ھەردەمدە چىرماشقىلى يېقىن كەلسە، ئازغان ئوتتۇرىدىن چىقىپ چىرماشتۇرمىدى.

چىرماشماق

  • چىرماشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يۆگەلمەك، چىرمالماق، يېپىشماق:[مىسال:] شىركەيپ بولغان كامىلنىڭ قولى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ نازۇك بېلىگە چىرماشتى.

چىرماق

  • چىرماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① چېلىشىشتا، قارشى تەرەپنى يىقىتىش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ ئىككى پۇتى ئارىسىغا پۇتىنى كىرگۈزۈپ ياكى پۇتىنى پۇتىبىلەن ئىلىپ قىلىنغان ھەرىكەت، پەنت، تەدبىر؛ پۇتلاش:[مىسال:] چىرماق سالماق. * زەڭگى بولسا تەتۈر چىرماق سېلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ ئىشىغا، سۆز-ھەرىكىتىگە ئارىلىشىش ئادىتى:[مىسال:] گەپكە چىرماق سالماق.

چىرمالماق

  • چىرمالماق[يەشمىسى:] ① «چىرمىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاپتوموبىلغا بېسىلغان يۈك بىرقانچە ئارغامچا بىلەن چىرمالغانىدى.[يەشمىسى:] ② «چىرمىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئەتىسى يەنە تۈگىمەس خىزمەتلەر بىلەن چىرمىلىپ قالاتتى.

چىرمىماق

  • چىرمىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئورىماق، يۆگىمەك:[مىسال:] مايمۇن ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا، چاققانلىق بىلەن ئېيىقچاق ئېسىلىپ قالغان تاش ئۈستىگە سىيرىلىپ چۈشتى-دە، قۇيرۇقىنى بىر پۇتاققا چىرمىۋېلىپ، ئۆزىنى ئالغا تاشلاپ، ئېيىقچاقنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئورىماق، قاپلىماق، چۇلغىماق، باسماق:[مىسال:] بەختىيارنىڭ كاللىسىنى يەنە يېڭى خىيال چىرمىۋالدى.

چىرىتكۈچ

  • چىرىتكۈچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىرىتىدىغان نەرسە:[مىسال:] ناتوغرا ئىستىللار بىر خىل چىرىتكۈچ، ئۇ كادىرلارنى چىرىتىدۇ.

چىرىتمەك

  • چىرىتمەك[يەشمىسى:] «چىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھاشىم ئاكام بۇ يىل چوڭ ئون ئورا ئوغۇت چىرىتتى.

چىرىتىشمەك

  • چىرىتىشمەك[يەشمىسى:] «چىرىتمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىرىتىلمەك

  • چىرىتىلمەك[يەشمىسى:] «چىرىتمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چىرىق

  • چىرىق[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ سايرىشى ۋە ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] چىرىق قىلماق.

چىرىق-چىرىق

  • چىرىق-چىرىق[يەشمىسى:] «چىرىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

چىرىققىدە

  • چىرىققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چىرىق» قىلغان ھالدا، «چىرىق» قىلىپ.

چىرىقلاشماق

  • چىرىقلاشماق[يەشمىسى:] «چىرىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىرىقلىماق

  • چىرىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چىرىق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] يامغۇر ئۆگزىدىكى كاھىشلارغا ۋە دېرىزىلەرگە ئۇرۇلۇپ چىرىقلىغىنى چىرىقلىغانىدى.

چىرىك

  • چىرىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىرىگەن، چىرىپ ئىشتىن چىققان، كېرەكسىز ھالغا كەلگەن؛ سېسىق:[مىسال:] چىرىك ياغاچ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسلىي ھالىتىدىن ئاينىغان چىرىگەن، بۇزۇق:[مىسال:] چىرىك ئىدىيە.  ئازادلىق ئۈچۈن چىقتىڭ مەيدانغا، نەپرەت ئوقۇدۇڭ چىرىك زامانغا.

چىرىكلەشتۈرمەك

  • چىرىكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «چىرىكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ پۇلى بالىلىرىنى روھىي جەھەتتىن چىرىكلەشتۈرىدىغانلىقىنى، ئۇ بىلمەيتتى.

چىرىكلەشمەك

  • چىرىكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىرىك ھالەتكە كەلمەك؛ چىرىمەك، بۇزۇلماق:[مىسال:] بىر قىسىملار پۇلپەرەسلىككە بېرىلىپ چىرىكلەشتى.

چىرىكلىك

  • چىرىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىرىپ بۇزۇلۇپ كاردىن چىققان ھالەت.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىستىل جەھەتتىكى بۇزۇلۇش، ناتوغرىلىق، ناھەقچىلىك:[مىسال:] چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى، چار پادىشاھ ھاكىمىيىتى ۋە باشقا ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسى چىرىكلىكتىن يىقىلغان.

چىرىڭ

  • چىرىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شىڭگىل

چىرىلداتماق

  • چىرىلداتماق[يەشمىسى:] «چىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىرىلداشماق

  • چىرىلداشماق[يەشمىسى:] «چىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يامغۇردىن كېيىن چىققان قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلانغان قۇشقاچلار چىرىلدىشىپ، پاختەكلەر گۇ-گۇلىشاتتى.

چىرىلداق

  • چىرىلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنى تاۋۇز ئۇرۇقىغا سەل ئوخشاپ كېتىدۇ، رەڭگى قوڭۇر كېلىدۇ؛ سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى يىپسىمان، ئارقا پۇتى كۈچلۈك، سەكرەشكە ماھىر كېلىدۇ؛ ئەركىكىنىڭ ئالدى قانىتى بىر-بىرىگە سۈركەلگەندە يېقىملىق ئاۋاز چىقىرىدۇ.

چىرىلدىماق

  • چىرىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] قەيەردىدۇر چېكەتكىلەر كۆڭۈلسىز چىرىلدايتتى.

چىرىمەك

  • چىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەسىرى بىلەن بۇزۇلماق، كېرەكسىز ھالغا كەلمەك، ئىشتىن چىقماق؛ سېسىماق:[مىسال:] دەۋا قېرىماس، ئالتۇن چىرىمەس(ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاينىماق، بۇزۇلماق، ھالاكەتكە يۈز تۇتماق:[مىسال:] چىرىگەن ھاكىمىيەت ئاخىرى بېرىپ گۇمران بولىدۇ.

چىرىمتال

  • چىرىمتال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. ئاساسلىق تەركىبى سىلىكاتلار بولۇپ، ئاق، قارا ۋە ئاچ-توقلۇقى ئوخشاش بولمىغان قوڭۇر ياكى يېشىل رەڭلەردە ئۇچرايدۇ؛ ئادەتتە ئېلېكتر ئىزولياتسىيە ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.

چىرىندى

  • چىرىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ، شاخ-شۇمبا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ چىرىگىنى:[مىسال:] چىرىندى دۆۋىسى. چىرىندى ئوغۇت.

چىرىندىخور

  • چىرىندىخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرىندىنى يەپ، چىرىندى ئىچىدە ياشايدىغان:[مىسال:] چىرىندىخور ھاشاراتلار ئاپتاپنىڭ تەپتىدە ھەر تەرەپتىن مىغىلدىماقتا.

چىرىندىلىك

  • چىرىندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىرىندى يىغىلغان، چىرىندى كۆپ يەر:[مىسال:] بۇ چىرىندىلىكتە نېمە ئىش قىلىمىز

چىش

  • چىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇق چايناش ۋە نەرسىلەرنى چىشلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورگىنى:[مىسال:] ئۇتتۇر چىش. ئېزىق چىش. چىش سالدۇرماق.[يەشمىسى:] ② نەرسىلەرنىڭ چىش شەكلىدىكى قىسمى:[مىسال:] ھەرە چىشى. چاقنىڭ چىشى.[يەشمىسى:] ③ ساپان(بوقۇسا) نىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ، يەر ئاغدۇرىدىغان پولات ياكى چويۇن سايمان:[مىسال:] مەن «بىسمىللا» دەپ ساپان تۇتقان يىلى، ئۆكۈزنىڭ پۇتىغا چىشنى ئۇرۇۋالدىم.

چىشى پاتماق

  • چىشى پاتماق[يەشمىسى:] گەپ-سۆزى ئۆتمەك، كۈچى يەتمەك، بىلمەك.

چىشى سارغايماق

  • چىشى سارغايماق[يەشمىسى:] ① چىشنىڭ رەڭگى سېرىق رەڭگە كىرمەك، سېرىققا ئۆزگەرمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېشى چوڭايماق، قېرىماق:[مىسال:] ئۇ چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ، چىشلىرى سارغىيىشقا باشلىغانسېرى، بۇ غەم-قايغۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئامبۇردەك قىسىپ تولىمۇ بىئارام قىلاتتى.

چىشىغا تەگمەك

  • چىشىغا تەگمەك[يەشمىسى:] ئاچچىقىنى كەلتۈرمەك، تېرىكتۈرمەك:[مىسال:] بۇ گەپلەر قاسىمنىڭ راسا چىشىغا تەگدى.

چىشى قېرىشماق

  • چىشى قېرىشماق[يەشمىسى:] ئاچچىقى كەلمەك، نارازى بولماق:[مىسال:] مېنىڭ چىشىم قېرىشىپ، ئۇنىڭ چىرايىغا ئاداۋەت بىلەن تىكىلدىم.

چىشىنى بىلىمەك

  • چىشىنى بىلىمەك[يەشمىسى:] تەييارلانماق، تەييار بولۇپ تۇرماق.

چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسەتمەك

  • چىشىنىڭ ئېقىنى كۆرسەتمەك[يەشمىسى:] خۇشخۇي كۆرۈنمەك، خۇش مۇئامىلە قىلماق:[مىسال:] 50 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئايال چىشلىرىنىڭ ئېقىنى كۆرسىتىپ، موللازەيدىنگە يېقىنلاپ كەلدى.

چىشا

  • چىشا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئېشەكنى قوغلاش، ھەيدەشتە ئىشلىتىلىدىغان سۆز.

چىش-تىرناق

  • چىش-تىرناق[يەشمىسى:] چىش ۋە تىرناق.

چىش-تىرنىقى بىلەن

  • چىش-تىرنىقى بىلەن[يەشمىسى:] جان-جەھلى، پۈتۈن كۈچى بىلەن، بارلىق ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىپ:[مىسال:] ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشلىرىمىزغا چىش-تىرنىقى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋىدى. مەقسىتىگە يېتەلمەي، ئاخىرى ئۆزى ھالاك بولدى.

چىشسىز

  • چىشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىشى يوق، چىشى قالمىغان:[مىسال:] چىشسىز ئاغزى كاماردەك ئېچىلىپ قالغان پاتەمخان داڭ قېتىپ قالدى.

چىشسىمان

  • چىشسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىشقا ئوخشايدىغان، چىش شەكلىدىكى:[مىسال:] چىشسىمان يوپۇرماق.

چىششا

  • چىششا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. بال س.[يەشمىسى:] چوڭ تەرەت، پوق:[مىسال:] چىششا بارمۇ بالام

چىشلەتمەك

  • چىشلەتمەك[يەشمىسى:] ① «چىشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② كىرىشتۈرمەك، گىرەلەشتۈرمەك:[مىسال:] ئۇلار دامبا قېشىدا بىر-بىرىگە چىشلىتىپ توغرا قويۇلغان تاختايلار بىلەن ياسالغان يوشۇرۇن تومىغا دۇچ كەلدى.

چىشلەشمەك

  • چىشلەشمەك[يەشمىسى:] ① «چىشلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يىراق تۇرسا كىشنىشىدۇ، يېقىن تۇرسا چىشلىشىدۇ(ماقال).[يەشمىسى:] ② كىرىشمەك، ياپسارغا كەلمەك:[مىسال:] كېسەك چىشلەشمىسە، تام ئاسان ئۆرۈلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

چىشلەكلىك

  • چىشلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىشلىگەن ھالدىكى، چىشلىگەن، چىشلەپ تۇرغان:[مىسال:] دەرەخنىڭ شېخىغا قوندى بىر قاغا، كۆزىنى ئۈزمەستىن كەڭرى دالىدىن-ئاغزىدا چىشلەكلىك بىر ئۆلۈك قۇشقاچ، شاد ئىدى ئۆزىچە ئۇشبۇ ئولجىدىن.

چىشلەم

  • چىشلەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① نان، گۆش قاتارلىق ئۇزۇقلۇقنىڭ بىر چىشلەشتە ئۈزۈپ ئېلىنغان، بىر چىشلەشكە يېتىدىغان پارچىسى.[يەشمىسى:] ② ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر چىشلەم ئالما.

چىشلەنمەك

  • چىشلەنمەك[يەشمىسى:] «چىشلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئارىلاشمايدۇ كۈلكە-چاقچاققا، ئۇ شۇ قەدەر تەمكىن، خاتىرجەم. گاھ ئاغزىغا چىشلىنىپ قالار، قولىدىكى قېرىنداش قەلەم.

چىشلىقⅠ

  • چىشلىقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىشى بار، چىش سالدۇرغان، چىش چىقارغان:[مىسال:] ئالتۇن چىشلىق ئايال. چىشلىق چاق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىشىگەن، يېشىغا توشقان:[مىسال:] تۆت چىشلىق قوي. ئىككى چىشلىق تەخەي.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساپاننىڭ چىش كىيدۈرۈپ قويۇلىدىغان ئۇچى.

چىشلىقⅡ

  • چىشلىقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① يۈگەننىڭ ئاستىنقى ياكى ئۈستۈنكى قىسمىدىكى قوشۇمچە ئېغىزدۇرۇق:[مىسال:] چىشلىق بېكىتمەك. چىشلىق سالماق.[يەشمىسى:] ② دەستىگاھنى پانا بىلەن چىڭىتىش، بوشىتىش ئۈچۈن پاچاقنىڭ ئاستى ئۇچىغا چىقىرىلغان، ئاستى گۇندىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئەركەك تۈرۈم.

چىشلىمەك

  • چىشلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يېمەكلىكلەرنى چىشنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، بىر قىسمىنى ئۈزۈپ، ئاجرىتىپ ئالماق:[مىسال:] گۆش چىشلىمەك.[يەشمىسى:] ② ئوزۇقلانماق، يېمەك:[مىسال:] ئىشلىسەڭ چىشلەيسەن(ماقال).[يەشمىسى:] ③ چىشلىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قىسماق، چىشى بىلەن تۇتماق:[مىسال:] ئۇ ھەر تۈرلۈك موللاق ئېتىپ، ئورۇندۇقتىن يەرگىچە ئېگىلىپ، يەردىكى چىنىلەرنى ئاغزىدا چىشلەپ، قوللىرىدا كۆتۈرۈپ، يەنە موللاق ئېتىپ چۈشەتتى.[يەشمىسى:] ④ چىشلىرىنى پاتۇرۇپ جاراھەتلەندۈرمەك، چىشلەپ ئالماق:[مىسال:] ئىتنى چىشلىمەيدۇ، ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە (ماقال).[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماق؛ قاتتىق، سېسىق گەپ بىلەن ئازار بەرمەك، رەنجىتمەك:[مىسال:] خەقنى چىشلەپ نېمە قىلىسىز[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يامان تەسىر قىلماق، باشنى ئاغرىتماق (ھاراق-شاراب ھەققىدە):[مىسال:] ئەتىسى ئويغىنىپ، ھاراق چىشلىۋالغانلىقىنى سەزدىم.

چىشى

  • چىشى[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەركەكنىڭ ئەكسى(ئادەمدىن باشقا جانلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ بىركۈنى بىر تاغنىڭ باغرىدا كېتىپ بېرىپ، بىر ئاچ بۆرىنىڭ بىر چىشى كېيىكنى تۇتۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە چېتىلىدىغان، كىرىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ چېتىشىش، كىرىشىش ئورنىدىكى ئويمانلىق:[مىسال:] چىشى تۈرۈم. چىشى چاق.

چىشىمەك

  • چىشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېشىغا توشماق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ بازاردىن سېمىز، ئەمدىلا چىشىگەن بىر قوينى 160 يۈەنگە ئالدىم.

چىشىمەل

  • چىشىمەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۇغۇلۇپ 3-يىلىغا قەدەم قويغان كالا.[يەشمىسى:] ② يېشىغا توشمىغان چارۋا بالىسى.

چىغ

  • چىغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تار ۋە ئۇزۇن بولۇپ، سېۋەت، بورا، سۈپۈرگە قاتارلىقلارنى توقۇشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

چىغچىⅠ

  • چىغچىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىغ ئورۇپ سېتىش، چىغ بۇيۇملىرىنى توقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى.

چىغچىⅡ

  • چىغچىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] شاخسانىغۇچ.

چىغچىغىر

  • چىغچىغىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل كىچىك قۇش. ھاشاراتلارنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ.

چىغچىلىق

  • چىغچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىخ بىلەن ھەپىلىشىش، چىخ بۇيۇملىرىنى توقۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى:[مىسال:] كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرلىقى يوق خېنىم، ئاتا مىراس ھۈنەر-چىغچىلىق قىلىمەن.

چىغدان

  • چىغدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىگىز يۇڭىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، چىغدىن توقۇلغان بورا شەكىللىك سايمان.

چىغرىق

  • چىغرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پاختىنى چىگىتىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ② قۇدۇقتىن سۇ تارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان غالتەكسىمان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ③ دارنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىسمىغا ئورنىتىلغان ۋە دارۋازلار موللاق ئېتىپ ئويۇن كۆرسىتىدىغان شوتىسىمان قۇرۇلما.[يەشمىسى:] ④ تورنىك:[مىسال:] يالاڭ چىغرىق. قوش چىغرىق.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ئوق بىلەن چاقتىن تۈزۈلگەن، ئورتاق ئوق سىزىقى بويىچە ئايلىنالايدىغان ئاددىي مېخانىزم. چىغىرىق ماھىيەتتە داۋاملىق ئايلىنالايدىغان پىشاڭدۇر.[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>قاتناش ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە. پاراخوتلاردا لەڭگەر تاشلاش ۋە ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

چىغلىق

  • چىغلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىغى بار، چىغ ئۆسكەن:[مىسال:] ئۇ شۇنداق قارىسا، يىراقتىن بىر پارچە ئوت لاۋۇلداپ يېنىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئارقىدىنلا ئىككى ياقتىكى چىغلىقمۇ كۆيۈشكە باشلاپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىغ كۆپ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] ئۇلار ئاتلاپ كەلگىنىدە چىغلىق جىراغا، چىخ تۈۋىدىن ئۈركۈپ تورغاي ئۇچتى ھاۋاغا.

چىغىرⅠ

  • چىغىرⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كەڭ ئەمەس، تار(يول ھەققىدە):[مىسال:] چىغىر يول.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تار يول؛ يالغۇز يول:[مىسال:] تېبابەت تار دائىرىلىك ئاتىدىن، ئۇستازدىن ئۆگىنىش چىغىرىغا كىرىپ قالدى.

چىغىرⅡ

  • چىغىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئىچىملىك؛ ھاراق-شاراب:[مىسال:] ئۇنى ئوبدان دېسە كىم تولا ئىچتى چىغىر، ئۇ راۋا كۆردى ئالسا يېنىك، ساتسا ئېغىر.

چىغىرتماق

  • چىغىرتماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئەۋرىشىم بولۇپ، نەرسىلەرنى باغلاشقا ۋە قەغەز ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ يىلتىزىدىن مىسۋاك (چىش چوتكىسى) ياسىلىدۇ.

چىغىرتماقگۈل

  • چىغىرتماقگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چىغىرتماق+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

چىغىرتماقلىق

  • چىغىرتماقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىغىرتماق كۆپ ئۆسكەن جاي:[مىسال:] تۇرسۇن ئەمدىلا ئۇخلاپ مەھەللىسىدىكى چىغىرتماقلىقتا ئويناپ چۈش كۆرۈۋىدى، ئۇنى بىرى لىڭشىتتى.

چىقارماق

  • چىقارماق[يەشمىسى:] «چىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئادىل دوختۇرنىڭ ئۈستۋاشلىرىغا قاراپ تىلىنى چىقاردى. سەپەرقۇل بىر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، تاغاردىن بىرنەچچە توپ ئاق خەسسە چىقاردى.

چىقاغدىماق

  • چىقاغدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «چىق-چىق» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق؛ تامىقىنى قاقماق؛ چىكىلداتماق.

چىقچىقلار

  • چىقچىقلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قۇشلارنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. دېڭىز بويىدا توپلىشىپ ياشايدۇ.

چىقماق

  • چىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەستىن مەلۇم بىر ئېگىزلىككە، يۇقىرىغا ياكى بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلمەك؛ كۆتۈرۈلۈپ بىرەر نۇقتىغا يەتمەك؛ ئۆرلىمەك:[مىسال:] تاغقا چىقماق. دەرەخقە چىقماق. مۇنبەرگە چىقماق. * ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، چىقماقنىڭ چۈشمىكى بار(ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەسلىدىكى مەلۇم بىر دەرىجە، باسقۇچ، پەللە ۋە شۇنىڭدەكلەردىن نىسبەتەن يۇقىرى بولغان دەرىجىگە، باسقۇچقا ۋە پەللىگە يەتمەك، ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] مەرتىۋىگە چىقماق. ئەمەلگە چىقماق. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا چىقماق. ئەۋجىگە چىقماق.[يەشمىسى:] ③ ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلمەك، كۆرۈنمەك؛ تۇغماق (كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ھەققىدە):[مىسال:] كۈن چىقماق.  قاراڭ، بۈگۈن ئاي ئەجەب گۈزەل چىقىپتۇ.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسە ئىچىدىن تاشقىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلماق؛ ئىچىدىن سىرتىغا بارماق:[مىسال:] مىلتىقتىن ئوق چىقتى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كارغا يارىماس بولۇپ قالماق، تۈگەشمەك:[مىسال:] بۇ سافالار ئىشتىن چىقتى.[يەشمىسى:] ⑥ دۇچ كەلمەك، يولۇقماق:[مىسال:] قاراخان ۋەزىر-ۋۇزرا، لاۋۇ-لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېتىۋاتسا، ئالدىدىن بىر كېيىك چىقتى.[يەشمىسى:] ⑦ سىرتقا تەپمەك، ئاجرىلىپ نامايان بولماق، كۆرۈنمەك:[مىسال:] بالىنىڭ پېشانىسىدىن تەر چىقىپتۇ. * قۇلىقىمنىڭ كەينىگە كىچىككىنە بىر يارا چىقىپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑧ ئورنىدىن قوزغالماق، ئورنىدىن تايماق، ئاجرالماق (ئۈگە سۆڭەكلىرى ھەققىدە):[مىسال:] مېنىڭ قولۇم چىقىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تايماق. ئازماق:[مىسال:] توغرا يولدىن چىقماق. پرىنسىپتىن چىقماق.[يەشمىسى:] 01 ھاسىل بولماق، پەيدا بولماق، بارلىققا كەلمەك:[مىسال:] تىلى چىقماق. خۇيى چىقماق. ساۋادى چىقماق. * يەككە قولدىن چاۋاك چىقماس(ماقال).[يەشمىسى:] 11 ئاخىرلاشماق، تۈگىمەك:[مىسال:] قان چىقتى-جان چىقتى(ماقال).[يەشمىسى:] 21 مەلۇم بىر قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرماق:[مىسال:] سەن ئايرۇپىلانغا چىققانمۇ مەن پويىزغا چىقىپ باقمىغان.[يەشمىسى:] 31 ئويۇن، دراما ياكى كىنو ئەسەرلىرىدە، مەلۇم بىر شەخسنىڭ رولىنى ئوينىماق، ئالماق:[مىسال:] ئۆمەر سايىم «پەرھاد-شېرىن» درامىسىدا، «پەرھاد» نىڭ رولىغا چىقتى.[يەشمىسى:] 41 چىقىم بولماق، سەرپ قىلىنماق؛ خەجلەنمەك:[مىسال:] بۇ يەردە ھەممە نەرسىگە يانچۇقتىن پۇل چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 51 بىرەر تەبىقىدىن، جايدىن ئۆسۈپ يېتىشمەك، يېتىلمەك؛ بارلىققا كەلمەك:[مىسال:] ئۇچتۇرپان شەھىرىدىن چىققان رەھمىتۇللا بەگ بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدىن چىققانتۆمۈر خەلپىمۇ ئاشۇ دانكوغا ئوخشايدىغان كىشىلەر ئىدى.[يەشمىسى:] 61 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تېپىلماق:[مىسال:] ئىگىسى چىقماق. * دېمىگەننى دېگۈچى چىقار، يېمىگەننى يېگۈچى چىقار(ماقال).[يەشمىسى:] 71 پەيدا بولماق، تۇغۇلماق، يۈز بەرمەك:[مىسال:] شامال چىقماق.  ئەل «پۈۋ» دېسە، بوران چىقىدۇ(ماقال).[يەشمىسى:] 81 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئېيتىلماق؛ دېيىلمەك:[مىسال:] لەيلىگۈل ئېلىقۇلغا قاراپ:[مىسال:] سەندىن ياخشى گەپ چىقىشىغا ئىشەنمەيمەن، دېدى.[يەشمىسى:] 91 [يەشمىسى:] بېرىلمەك:[مىسال:] ئۇنىڭغا ھەر ئايدا 150 كوي مائاش چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 02 ھېسابلانماق، قارالماق، سانالماق:[مىسال:] كەم چىقماق. * نايماننىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس چىقتى.12 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قولغا كەلمەك، ئېلىنماق:[مىسال:] بۇرايۇندىن كۆمۈر، ئالتۇن، مىس قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرى چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 22 ئېرىشمەك، ئىگە بولماق:[مىسال:] ئازادلىققا چىقماق. * ئاياغقا چىقماي، باشقا يوق (ماقال).[يەشمىسى:] 32 چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى «-دىن، -تىن» بىلەن تۈرلەنگەن بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىدە كېلىپ، ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى ئورۇنداش، بېجىرىش ئىمكانىيىتىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھاجىتىدىن چىقماق. * مەن بۇ تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن.[يەشمىسى:] 42 يېشىلمەك؛ بېسىلماق، كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] ھاردۇقى چىقماق. سېزىكتىن چىقماق. خۇمارى چىقماق. دەردى چىقماق.[يەشمىسى:] 52 بىرەر نەرسىدىن ياكى ئىشتىن خۇشى كەتمەك، زېرىكمەك، بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىشى، ھەۋىسى تۆۋەنلىمەك:[مىسال:] مەن كۈندە پولۇ يەۋېرىپ، پولۇدىن چىقىپ قالدىم.[يەشمىسى:] 62 [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پۈتمەك، ئاياغلاشماق:[مىسال:] ئۇنىڭ قولىدىن ئاسانلىقچە ئىش چىقمايدۇ.[يەشمىسى:] 72 تېپىلماق، يەتمەك(ۋاقىت، پۇرسەت ھەققىدە):[مىسال:] مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقىمۇ، ياخشى دوستلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكىمۇ ۋاقتىم چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 82 تارالماق، يېيىلماق، ھەممىگە تونۇلماق:[مىسال:] نامى چىقماق. ئېتى چىقماق.[يەشمىسى:] 92 بىلىنمەك، سېزىلمەك، ئەكس ئەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىدىن كەمتەرلىك چىقىپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] 03 يايماق، تارالماق (ھىد، پۇراق ھەققىدە):[مىسال:] كۈز قۇياشى يارقىن نۈرلىرىنى چاچاتتى، ئورمان ئارىسىدىكى ھەر خىل گۈللەردىن گۈپۈلدەپ خۇش پۇراق چىقىپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] 13 ئاجراشماق، ئۈزۈلۈشمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ قىزىمۇ ئەردىن چىقتى.[يەشمىسى:] 23 ياتلىق قىلىنماق، نىكاھلانماق، تەگمەك:[مىسال:] شەھەردە سىزنى ئەرگە چىقارمىش دېگەن گەپ بار.[يەشمىسى:] 33 بىرەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى، ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتى ۋە رولى كۆرۈلمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىل سېتىۋالغان قار لەيلىسى ماركىلىق تېلېۋىزورى ياخشى چىقتى.[يەشمىسى:] 43 بىرەر نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشلەشكە، ياساشقا يەتمەك:[مىسال:] بۇ ياغاچتا بىر ئىشىك چىقىدۇ.[يەشمىسى:] 53 ھالىتى، رەڭگى، شەكلى بىرەر نەرسىنىڭ يۈزىدە قالماق، بېسىلماق:[مىسال:] بارماق ئىزى چىقماق. رەسىمى نىگاتىپقا چىقماق.[يەشمىسى:] 63 نەشىر بولماق، بېسىلىپ تارقالماق:[مىسال:] «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يېقىندا نەشردىن چىقتى.[يەشمىسى:] 73 يوقالماق، تۈگىمەك؛ ئۇنتۇلماق، كۆتۈرۈلمەك:[مىسال:] ئەستىن چىقماق. خاتىرىدىن چىقماق.[يەشمىسى:] 83 «-پ، -ىپ، -ۇپ، -ۈپ»لار بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ، رەۋىشداشتا ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتنى تەكىتلەيدۇ:[مىسال:] كۆرگەزمىنى كۆرۈپ چىقتۇق. * بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەخمەت ئۈزۈپ چىقتى. * كىمكى شاھزادىنى بىلىملىك قىلىپ تەربىيىلەپ چىقسا، مال-دۇنيا ئىنئام قىلىمەن، دەپتۇ پادىشاھ.

چىقىرىلماق

  • چىقىرىلماق[يەشمىسى:] «چىقارماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەشنىڭ كانىيى پەنجىرىلەر ئارقىلىق ھويلىغا چىقىرىلدى.

چىقىرىندى

  • چىقىرىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تېبابەتچىلىك ئىلمىدە، ئادەم بەدىنىدىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ يەنى «تەرەت، ئوسۇرۇق، تەر ۋە تۈكۈرۈك» قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى:[مىسال:] كېسەل ئادەملەرنىڭ تۈكۈرۈكى ۋە باشقا چىقىرىندىلىرى ئارقىلىق، باشقىلارغا كېسەللىك يۇقىدۇ.

چىقىش

  • چىقىش[يەشمىسى:] «چىقماق» پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسىمدىشى:[مىسال:] چىقىش ئىشىكى. چىقىش كېلىش.

چىقىش قىلماق

  • چىقىش قىلماق[يەشمىسى:] ① يەتمەك، يېتىشمەك:[مىسال:] ئۇ بەھزاتنىڭ سۆزىگە كىرىپ ھەممە ئەسۋابلارنى ساتقان بولسىمۇ، يەنە چىقىش قىلماپتۇ.[يەشمىسى:] ② ئەڭ مۇھىم دەپ ھېسابلىماق، ئاساس قىلماق:[مىسال:] مۇنداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىكنى چىقىش قىلسا بولمايدۇ.

چىقىش كېلىش

  • چىقىش كېلىش[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئۇيغۇر تىلىدىكى كېلىشلەرنىڭ بىر تۈرى. قوشۇمچىسى «-دىن، -تىن» چىقىش كېلىش شەكلىدىكى ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەر ئاساسەن پېئىل، بەزىدە بىر قىسىم سۈپەت، رەۋىشلەرگە بېقىنىپ، ھالەت بولۇپ كېلىدۇ:[مىسال:] ئۆرۈكتىن يېدىم.  ئاتتىن ئېگىز، ئىتتىن پەس.

چىقىشقاق

  • چىقىشقاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىلەر بىلەن ئاسان ۋە تېز چىقىشىپ كېتىدىغان، كىشىنى يات كۆرمەيدىغان:[مىسال:] ئۇ ئىنتايىن باتۇر، مۇلايىم ھەم ناھايىتى چىقىشقاق ئادەم ئىكەن.

چىقىشقاقلىق

  • چىقىشقاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىقىشالايدىغان مىجەز:[مىسال:] چىقىشقاقلىق-ئاممىۋى مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم بىر خۇسۇسىيەت.

چىقىشماق

  • چىقىشماق[يەشمىسى:] ① «چىقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] تەنتەربىيىچىلەر تاغقا چىقىشتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىقىش قىلماق، يەتمەك:[مىسال:] مېنىڭ پۇلۇم بىر دانە رەڭلىك تېلېۋىزور سېتىۋېلىشقا چىقىشىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ئۆزئارا كېلىشمەك، ئەپلەشمەك، ئىتتىپاقلاشماق:[مىسال:] تۆردىكى بىلەن چىقىشقۇچە، بوسۇغىدىكى بىلەن چىقىش(ماقال).

چىقىق

  • چىقىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ئورگانىزمىدىكى بىرەر ئەزانىڭ ئۆز ئورنىدىن ئاجراپ، چىقىپ كېتىشى(تېڭىقچىلىقتا):[مىسال:] تېبابەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ سۇنۇقلارنى تېڭىش، چىقىقلارنى ئورنىغا چۈشۈرۈش، قان ئېلىش قاتارلىقلارمۇ بارلىققا كەلگەن.

چىقىم

  • چىقىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] سەرپ قىلىنغان ياكى سەرپ قىلىنىدىغان مەبلەغ؛ خىراجەت:[مىسال:] مەمۇرىي چىقىم. كىرىم ۋە چىقىم. چىقىم قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] زىيان-زەخمەت؛ ئۆلۈم، قۇربان(ئۇرۇش، جەڭدە):[مىسال:] چىقىمغا ئۇچرىماق. چىقىم تارتماق.

چىقىمدار

  • چىقىمدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىمى تولا؛ كۆپ چىقىم تارتقان:[مىسال:] چىقىمدار ئادەم. چىقىمدار بولماق.

چىقىمسىز

  • چىقىمسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىمى يوق، ھېچقانداق چىقىم تەلەپ قىلمايدىغان ياكى قىلىنمايدىغان؛ خورىمايدىغان:[مىسال:] چىقىمسىز ئىش. چىقىمسىز سۇ مىقدارى. چىقىمسىز ئوقەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] زىيانسىز، زىيان تارتماي:[مىسال:] ئۇرۇش دېگەن چىقىمسىز بولمايدۇ.

چىقىملىق

  • چىقىملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىمى، خەج-خىراجىتى كۆپ، كۆپ چىقىم قىلىدىغان:[مىسال:] چىقىملىق ئائىلە.  بۇ ئايدا بىز خېلى كۆپ چىقىملىق بولدۇق.

چىقىندى

  • چىقىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېرەكلىك قىسمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن قالغان ياكى چىقىرىۋېتىلگەن نەرسىلەر:[مىسال:] چىقىندى ئاش.

چىقىنماق

  • چىقىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىقىش قىلماق، يېتىشتۈرمەك، چىقارماق:[مىسال:] دادام بىرھازا خىيال سۈرگەندىن كېيىن:[مىسال:] ئۇنى نەدىن ئالىمىز، ئۇ بولغاندىمۇ پۇلىغا چىقىنالامدۇق، دېدى ئىككىلىنىپ.

چىك

  • چىك[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ مېڭىشى ياكى ئەينەك قاتارلىقلارنىڭ سۇنۇشى ۋە دەز كېتىشىدىنق پەيدا بولغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② ئادەمنىڭ تامىقىنى چەككەندە ھاسىل بولىدىغان ئۈزۈك ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ خۇددى دەردى بار كىشىدەك، ئولتۇرغانلا يېرىدە تۇرۇپ-تۇرۇپ «چىك، چىك»قىلىپ تامىقىنى چېكىپ قوياتتى.[يەشمىسى:] ③ چۈجىلەر يەم ئىزدەپ سايرىغان چاغدا چىقىرىدىغان بىر خىل ئاۋاز:[مىسال:] چۈجىلەر باغچىدا چىك، چىك قىلىپ دانلاۋاتىدۇ.

چىك-چاك

  • چىك-چاك[يەشمىسى:] تام ۋە ئۈستەل سائەتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئىشخانىدا شىر-شىر قىلغان قەلەم ئاۋازى بىلەن چىك-چاك، چىك-چاك قىلغان سائەت ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز يوق ئىدى.

چىك-چىك

  • چىك-چىك[يەشمىسى:] «چىك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۈستەل سائىتىنىڭ بىرخىل رىتىمدا «چىك-چىك، چىك-چىك» قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

چىككا

  • چىككا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوشۇقنىڭ دۈمبە تەرىپىگە قارشى بولغان ئويمان، كىندىك تەرىپى، يەنى «پوككا» نىڭ ئەكسى:[مىسال:] قىمارۋازمۇ تۆت ئوشۇقنى دەتتىكام دەپ ئاتىدۇ، يا چىككا، يا پوككا چۈشىدۇ.

چىككىدە

  • چىككىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چىك» قىلىپ ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «چىك» قىلىپ:[مىسال:] لامپىنىڭ شېشىسى چىككىدە قىلىپ يېرىلىپ كەتتى.

چىكىلداتماق

  • چىكىلداتماق[يەشمىسى:] «چىكىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايخان ئۈستەل سائىتىنى بۇراپ چىكىلداتتى.

چىكىلداشماق

  • چىكىلداشماق[يەشمىسى:] «چىكىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھويلىدىكى چۈجىلەر ئانىسىنىڭ كەينىدە چىكىلدىشىپ يۈرەتتى.

چىكىلداق

  • چىكىلداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سەييارە مال ساتقۇچىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش ئۈچۈن چالىدىغان ۋە «چىك-چىك» قىلىپ ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر خىل ئەسۋابى:[مىسال:] ئۇ بىر قولىدا توكۇراڭنى، يەنە بىر قولىدا چىكىلداقنى چېلىپ، توكۇراڭچىنىڭ «ئەل ئامان» دېگەن ناخشىسىنى ئېيتىپ كەتتى.

چىكىلدىماق

  • چىكىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چىك-چىك» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، [يەشمىسى:] «چىك-چىك» قىلماق:[مىسال:] زالدىكى سائەتنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازىلا تىنچلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى.

چىگە

  • چىگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەندىر پوستى، قوۋزىقى:[مىسال:] چىگە رەخت. چىگە شوينا.

چىگدۈرمەك

  • چىگدۈرمەك[يەشمىسى:] «چىگمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئانا بالىسىغا ئايىغىنىڭ بوغقۇچىنى چىگدۈردى.

چىگرىن

  • چىگرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالاھىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، ئىنتايىن چىداملىق بىر خىل خۇرۇم:[مىسال:] ئۇنىڭغا قىسقا قونچلۇق قىزىل چىگرىن ئۆتۈك بەكمۇ ياراشقانىدى.

چىگمەك

  • چىگمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرنەرسىنىڭ ئۇچىنى يەنە بىرنەرسىگە تۈگۈن سېلىپ ئۇلىماق، باغلىماق:[مىسال:] ئۇ يانچۇقىدىن پىششىق يىپ چىقىرىپ، ئىشىك ئىلغۇچىنىڭ موتىكىگە چىڭ چىگدى.[يەشمىسى:] ② گىرە قىلىپ سالماق، تاقىماق:[مىسال:] لەيلىگۈل زۇمرەتنى باغرىغا بېسىپ، پېشانىسىدىن سۆيدى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئە كەلگەن ھاۋا رەڭ گاز ياغلىقىنى بوينىغا چىگىپ قويدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر نەرسىنى ياغلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ئىچىگە ئوراپ، يۆگەپ تاڭماق:[مىسال:] ئەتىسى ئەپەندىم بىر ياغلىققا تۆت-بەش تاشنى چىگىپ، قازىخانىغا بېرىپتۇ.

چىگۇڭ

  • چىگۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى. ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىرىدە جىم تۇرۇش، جىم ئولتۇرۇش ياكى جىم يېتىش ئارقىلىق دىققەتنى يىغىپ، ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن نەپەس ئېلىش ئارقىلىق بەدەننىڭ ئايلىنىش، ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرىنىڭ خىزمىتى ئاشۇرۇلىدۇ؛ يەنە بىرىدە ئەۋرىشىم تەنھەرىكەت گىمناستىكىسى، ئەملەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، بەدەننىڭ ساغلاملىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

چىگىت

  • چىگىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا ئۇرۇقى:[مىسال:] چىگىت يېغى. چىگىت ئايرىش ماشىنىسى.

چىگىت چاقماق

  • چىگىت چاقماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش بېجىرىلىش جەريانىدا توسالغۇغا، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماق، مەسىلە كۆرۈلمەك:[مىسال:] مېنىڭ بۇ ئىشىم چىگىت چېقىپ قالدى.

چىگىتسىز

  • چىگىتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىگىتى يوق، چىگىتى ئايرىۋېلىنغان:[مىسال:] چىگىتسىز پاختا.

چىگىتلىك

  • چىگىتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىگىتى بار، چىگىتى ئايرىلۋېلىنمىغان:[مىسال:] چىگىتلىك پاختا.

چىگىش

  • چىگىش[يەشمىسى:] ① «چىگمەك» پېئىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئىسىمدىشى:[مىسال:] ئۇ بالا مەكتەپ يېشىغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ھەتتا ئاياغ بوغقۇچلىرىنى چىگىشنىمۇ بىلمەيتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يىپ بوغقۇچ، چاچ، ئارغامچا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ چىگىلگەن جايى:[مىسال:] يىپنىڭ چىگىشىنى يەشمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىرماش-چىرماش بولۇپ قالغان، چىرماشقان:[مىسال:] چىگىش چاچ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىيىن، تەس، مۈشكۈل، مۇرەككەپ:[مىسال:] تاشۋاينىڭ دەردى ھەر ئىككىيلەن ئۈچۈن، ئىنتايىن چىگىش بىر مەسىلە بولۇپ تۇيۇلدى.

چىگىشلەشتۈرمەك

  • چىگىشلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «چىگىشلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ خىيال يوللىرىنى چىگىشلەشتۈرۈپ، پۆپۈكلۈك ئۇزۇن كۇلا كىيگەن يوچۇن ئادەم كۆز ئالدىدا قادىلىپ تۇرۇۋالاتتى.

چىگىشلەشتۈرۈلمەك

  • چىگىشلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «چىگىشلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] مەسىلە چېگىشلەشتۈرۈلدى.

چىگىشلەشمەك

  • چىگىشلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چىگىش ھالەتكە كەلمەك، چىگىش بولماق، چىگىش كىرمەك، ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ چىگىشلىشىپ، كىگىزدەك بولۇپ كەتكەن قاپقارا چېچى دولىسىغا چۈشۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② قىيىنلاشماق، مۇرەككەپلەشمەك، قالايمىقانلاشماق:[مىسال:] مەسىلىنىڭ بەزىلىرى ئايدىڭلاشتى، بەزىلىرى تېخىمۇ چىگىشلەشتى.

چىگىشلىك

  • چىگىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىگىش ھالەت:[مىسال:] روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى چىگىشلىكىنى تەشكىل قىلغان ھايات كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

چىگىشمەك

  • چىگىشمەك[يەشمىسى:] «چىگمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك جىسى.

چىگىك

  • چىگىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىگىلگەن جاي، تۈگۈن:[مىسال:] چىگىكنى يەشمەك. ئارغامچىنىڭ چېگىكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىگىپ قويۇلغان، چىگىلگەن، چىگىكلىك:[مىسال:] چىگىك يىپ. چىگىك تانا.

چىگىكلىك

  • چىگىكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىگىپ قويۇلغان، چىگىلگەن، چىگىك:[مىسال:] بېشىغا ياغلىق چىگىكلىك.  ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجى بوينىدىن چىگىكلىك ئىكەن.

چىگىل

  • چىگىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] قارلۇقلارغا تەۋە ئۈچ تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى. ئۇلارنىڭ بىرى بارسىغاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قىياش شەھىرىدە ياشىغۇچى كۆچمەنلەر، ئىككىنچىسى تالاس شەھىرى ئەتراپىدىكى خەلقلەر، ئۈچىنچىسى قەشقەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى تۈرك قەبىلىلىرى. مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋان» دا، بۇلارنى بىر يەردىن تارقالغان چىگىل قەبىلىسى دەپ كۆرسىتىدۇ.

چىگىلمەك

  • چىگىلمەك[يەشمىسى:] «چىگمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ساۋۇت ئاكا يېنىدىن ياغلىققا چىگىلگەن ئۆي نېنىنى چىقاردى.

چىگىندان

  • چىگىندان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالتۇن بىلەن بىللە ياتىدىغان، ئالتۇن رەڭگىدىكى، كىچىكى قوناقتەك، چوڭى سەرەڭگە قېپىدەك كېلىدىغان بىر خىل پارقىراق تاش.

چىڭ

  • چىڭ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇستەھكەم، چىداملىق، پۇختا، پىششىق:[مىسال:] چىڭ رەخت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى مەلۇم بىرنەرسە بىلەن لىق تولدۇرۇلغان؛ بوش ياكى كاۋاك ئەمەس، لىق:[مىسال:] ھارۋا چاقىنىڭ يېلى چىڭ. ∥ھەرقانداق چاغدا، قورساقنى چىڭ تويغۇزۇپلا جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش ياخشى ئەمەس.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۈچ بىلەن، مەھكەم، قاتتىق، بوشاشتۇرۇپ قويماي:[مىسال:] ئۇ خۇددى يىقىلىپ چۈشىدىغاندەكلا، ئالدىدىكى تۆمۈرنى چىڭ تۇتۇۋالدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] يۇقىرى، قاتتىق، ئۈنلۈك(ئاۋاز ھەققىدە):[مىسال:] تاڭمۇ ئاتتى، كۈن چىقتى، قول كانىيىدىن ئۈن چىقتى. كانايچىنىڭ ئاۋازى، كۈندىكىدىن چىڭ چىقتى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياراملىق، قولىدىن ئىش كېلىدىغان:[مىسال:] ھەممىدىن چىڭ چىققىنى ئەنۋەر ئەپەندى بولدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قاتتىق، جىددىي:[مىسال:] بوۋاي يۈگۈرۈپ چىقسا، ئىش باشقىچە. شۇ يەردىن بوۋاي توقماققا چىڭراق بۇيرۇق بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆز ئىشىغا پۇختا؛ باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، بېخىل؛ پىششىق:[مىسال:] ئۇنىڭ مۇنچىۋالا چىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەپتىمەن.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دەل، تازا، قاق؛ چىڭقى:[مىسال:] مەن بۇ يەرگە ئاش ۋاقتى بىلەن كەلگەن ئادەم تا چىڭ چۈشكىچە ئۇلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇردۇم.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھالقىلىق، مۇھىم؛ يامان:[مىسال:] چىڭ يېرىگە چىقماق.  ئىش چىڭ يېرىگە بېرىپ تاقىلىپ قالدى. ئەمدى بۇيرۇق قىلسىلا تەقسىر، مەن بېرىپ كۆرەي، دېدى ئۇ.

چىڭداتماق

  • چىڭداتماق[يەشمىسى:] «چىڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يولنى چىڭداتماق. بىنانىڭ ئۇلىنى چىڭداتماق.

چىڭداشماق

  • چىڭداشماق[يەشمىسى:] «چىڭدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار يېڭى ياسالغان خاماننى تۇلۇق بىلەن چىڭداشتى.

چىڭدالماق

  • چىڭدالماق[يەشمىسى:] «چىڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇچىسىدا لىق چىڭدالغان يوغان خۇرجۇن بار ئىدى.

چىڭدىماق

  • چىڭدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى يەرنى بېسىپ، نىقتاپ، ئارىسىنى چىڭ، زىچ ھالەتكە كەلتۈرمەك:[مىسال:] يول چىڭدىماق. خامان چىڭدىماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تويغۇزماق:[مىسال:] قورساقنى چىڭدىماق.

چىڭسەي

  • چىڭسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە كۆكتات قاتارىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

چىڭقاتماق

  • چىڭقاتماق[يەشمىسى:] «چىڭقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىڭقاشماق

  • چىڭقاشماق[يەشمىسى:] «چىڭقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىڭقاق

  • چىڭقاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خام شىرىدىن ئىشلەنگەن توشۇڭ ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىر ئۇچىغا ئېسىپ قويۇلغان باستۇرغا تاش ياكى كۆتەك:[مىسال:] چىڭقاق سالماق.[يەشمىسى:] ② ھارۋا ياكى ئۇلاغلارنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان يۈكنى چىڭىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە.

چىڭقالماق

  • چىڭقالماق[يەشمىسى:] ① «چىڭقىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② چىڭ، زىچ ھالەتكە كەلمەك؛ چىڭلىق، زىچلىق دەرىجىسى ئاشماق:[مىسال:] شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆكسى چىڭقىلىپ، ئىچى تىت-تىت بولۇۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ③ كۈچەنمەك، كۈچىمەك:[مىسال:] ئۇ قولىدىكى تاماكىسىنى چىڭقىلىپ تۇرۇپ شورىۋېتىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.[يەشمىسى:] ④ زورۇقماق:[مىسال:] ئۈستىگە سۈتتەك ئاق خالات كىيىپ، ئاغزىغا قېلىن ماسكا تاقىغان ئەكبەر يېرىلىپ كېتىدىغاندەك، چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتقان چېكىسىنى بىر ھازاغىچە ئۇۋۇلاپ ئولتۇردى.

چىڭقى

  • چىڭقى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] دەل، چىڭ، تازا.

چىڭقىچۈش

  • چىڭقىچۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چىڭقى+چۈش[[يەشمىسى:] دەل، چىڭ، تازا چۈش:[مىسال:] مەخمۇت چىڭقىچۈش مەزگىلىدە مەھەللىسىگە يېتىپ كەلدى.

چىڭقىماق

  • چىڭقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] لىق تولدۇرماق، لىق تولدۇرۇپ قاچىلىماق:[مىسال:] ساماننى تاغارغا چىڭقاپ قاچىلاڭلار.

چىڭكىرىش

  • چىڭكىرىش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىداملىق؛ سەۋرچان.

چىڭگىزⅠ

  • چىڭگىزⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخنىڭ نامى.

چىڭگىزⅡ

  • چىڭگىزⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارغا قىلچە نەپ بەرمەيدىغان، ئىنتايىن بېخىل، پىخسىق:[مىسال:] چىڭگىز ئادەم.

چىڭگىزلىك

  • چىڭگىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېخىللىق، پىخسىقلىق:[مىسال:] بولدى، قويسىلا ئۇستام، چىڭگىزلىك قىلماي، مەنمۇ سىلىنى تونۇمايمەن، دېدى ئېلىئاخۇن ئۇستام دادامنى ئەيىبلىگەن ھالدا.

چىڭگىلىك

  • چىڭگىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىڭگىلىك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، يۆگىشىپ ئۆسىدىغان، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۆسۈملۈك تېنىدە ئاق سۈتى بولىدۇ. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ھۆللۈكنى تارقىتىپ، سۇيۇقلۇقنى راۋان قىلىش، يەلنى ھەيدەپ، ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە.

چىڭڭىدە

  • چىڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بار كۈچى بىلەن كۈچەپ، ناھايىتى چىڭ، مەھكەم، بەك:[مىسال:] ئەختەم ئۇنىڭ ئارىسالدىلىقىدىن پايدىلىنىپ، لېۋىنى لېۋىگە جۈپلەپ، چىڭڭڭىدە بېسىپ تۇراتتى.

چىڭلۇن

  • چىڭلۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىرىكمە تالالارنىڭ مۇھىم سورتلىرىدىن بىرى. ھۆل ياكى قۇرۇق ئېگىرىش ئارقىلىق ئىشلىنىدۇ. ئۇنى ساپ ياكى قوي يۇڭى ۋە باشقا تالالار بىلەن ئارىلاش ئېگىرىش ئارقىلىق، كىيىم-كېچەك، ئەدىيال ۋە سانائەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ.

چىڭلىق

  • چىڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىقتىدار، بەرداشلىق بېرىش جەھەتتىكى مۇستەھكەملىك، مەزمۇتلۇق، پۇختىلىق:[مىسال:] رەختنىڭ چىڭلىقى. تامنىڭ چىڭلىقى.[يەشمىسى:] ② پىششىقلىق، بېخىللىق، گىرىلىك:[مىسال:] سەن بۇ مەسىلىدە ئانچە چىڭلىق قىلىپ كەتمە، دېدى ياسىن دوستىغا.

چىڭىتماق

  • چىڭىتماق[يەشمىسى:] «چىڭىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شوپۇر ماتورنىڭ قاپقىقىنى ئېچىۋېتىپ، ماتورغا ئېڭىشكەن ھالدا، كۇلۇچ بىلەن قانداقتۇر ۋىنتىلارنى چىڭىتماقتا ئىدى.

چىڭىتىلماق

  • چىڭىتىلماق[يەشمىسى:] «چىڭىتماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىدارىمىزنىڭ تەشكىل تۈزۈملىرى چىڭىتىلدى.

چىڭىماق

  • چىڭىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، چىدايدىغان دەرىجىگە يەتمەك، چىڭ ھالەتكە كەلمەك؛ مۇستەھكەملەنمەك:[مىسال:] بىنانىڭ ئۇلى چىڭىدى.

چىلⅠ

  • چىلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. شەكلى كەپتەرگە سەل ئوخشايدۇ، تۇمشۇقى كىچىك، پۇتى قىسقا، پەقەت ئۈچ تاللا بارمىقى بولىدۇ. ئوتلاقتا ياشايدۇ، گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

چىلⅡ

  • چىلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھۆل تەمرەتكە.

چىلاپچا

  • چىلاپچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قول يۇغاندا، ئېقىندى سۇنى چۈشۈرىدىغان داس. ئادەتتە مىس، تۇچ، ئاليۇمىن قاتارلىق مېتاللاردىن ياسىلىدۇ.

چىلاتماق

  • چىلاتماق[يەشمىسى:] «چىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىلاشتۇرماق

  • چىلاشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «چىلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② تولدۇرماق:[مىسال:] ئالدى ئەر كەتمىنىنى سۇ باشلىدى، سۇغاردى چىلاشتۇرۇپ ئېتىزىنى.

چىلاشماق

  • چىلاشماق[يەشمىسى:] ① «چىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئېرىق بويىدا، بالىلار پۇتلىرىنى سۇغا چىلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.[يەشمىسى:] ② سۇيۇقلۇق ئىچىگە پاتماق، كىرمەك:[مىسال:] كەلگەنلەر سۇغا چىلاشقان قەغەزدەكلا بوشىشىپ قالدى.

چىلاقلىق

  • چىلاقلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىلانغان ياكى چىلاپ قويۇلغان:[مىسال:] مۇرات دورىغا چىلاقلىق رەسىملەرنى بىر-بىرلەپ يېيىپ، قۇرۇتۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]رەۋىش.[يەشمىسى:] چىلانغان ھالەتتە:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرقانچە قاچىغا چىلاقلىق تۇرغان مېيخۇا گۈللىرىگە زەن سالمىدىڭمۇ دېدى رازىيە.

چىلان

  • چىلان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] خوزور ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى دەرەخ. يېڭى شاخلىرىدا جۈپ-جۈپ تىكەنلىرى بولىدۇ، مېۋىسى ئۈچكىلىك مېۋە بولۇپ، شارسىمان ياكى تۇخۇمسىمان كېلىدۇ، رەڭگى قىزىل تەمى تاتلىق، ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شۇ خىل ئۆسۈملۈك مېۋىسى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىلانغا ئوخشاش قارا قىزىل رەڭدىكى:[مىسال:] چىلان تۇپراق. چىلان تورۇق[يەشمىسى:] ④ كەلپىن ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ ئىسمى.

چىلانزار

  • چىلانزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىلان دەرىخى كۆپ ئۆسكەن يەر.

چىلانلىق

  • چىلانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىلان دەرىخى بار، چىلان دەرىخى ئۆسكەن:[مىسال:] چىلانلىق باغ. چىلانلىق كەنت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىلان دەرىخى ئۆسكەن يەر، مەيدان:[مىسال:] رەقىپ:[مىسال:] مەن مۇنۇ ئۇنتۇلغۇسىز شەنبىنى سەيلە بىلەن ئۆتكۈزۈشنى يەنە تەكلىپ قىلىمەن. پىكاپ ياللايمىز دە، شەھەر سىرتىدىكى چىلانلىققا چىقىپ كېتىمىز، دېدى.

چىلانماق

  • چىلانماق[يەشمىسى:] ① «چىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاش ئاخىرلىشىشقا يېقىن قالغاندا، تۇزغا ئىككى پارچە نان چىلانغان چىنىمۇ يېتىپ كىردى.[يەشمىسى:] ② «چىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مۇشۇ ئىسسىقتا بۇلاق سۈيىگە چىلىنىپ ياتقۇم كېلىدۇ.

چىلە

  • چىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قوتاندا سۈيدۈك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن پاتقاق ھالەتتىكى قىغى:[مىسال:] ئېغىلنىڭ ئىچى قويۇق چىلە پۇرىقىغا چوشۇپ، ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان مۇنچىدەك، ناھايىتى ئىسسىق ئىدى.[يەشمىسى:] ② ھايۋانلاردا بولىدىغان بىر خىل كېسەل:[مىسال:] چىلە كېسىلى.

چىلبۆرە

  • چىلبۆرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. تەن شەكلى بۆرىگە ئوخشايدۇ، لېكىن بۆرىدىن كىچىك، ئوزۇق ئوغرىلايدۇ، ۋەھشىي كېلىدۇ، دائىم توپلىشىپ كالا، قوي قاتالىق ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

چىلپايە

  • چىلپايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاپورتنىكلارنىڭ بىر تۈرى، يەنى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار؛ جىگەرنى تىنچلاندۇرۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ؛ تەڭرىتاغ، ئالتاي تاغلىرىدىن تېپىلىدۇ.

چىلتار

  • چىلتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر خىل كۆپ تارلىق ساز. تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، جازىسىغا 46 تار ئورنىتىلغان بولىدۇ.

چىلتەك

  • چىلتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① رەڭلىك رەخت ياكى ھەر خىل رەڭدىكى يىپلاردىن قىلىنىدىغان زىننەت بۇيۇمى. تورسىمان لېنتا.[يەشمىسى:] ② كىيىملەرگە زىننەت بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇناسىپ ئورۇنلىرىغا تۇتۇلىدىغان، مەخسۇس توقۇلغان ياكى گۈل چېكىلگەن لېنتىسىمان بۇيۇم:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزلىرى ئەڭلىك بىلەن قىزارتىلغان بولۇپ، ئۈستىگە، چۆرىسىگە چىلتەك تۇتۇلغان، بېلى تار، كالتە پەشمەت كىيىۋالغانىدى.

چىلتەن

  • چىلتەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي، خۇراپىي تەسسەۋۋۇرلاردىكى غەيرىي تەبىئىي كۈچكە ئىگە، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئەپسانىۋى 40 روھ.

چىلچۆپ

  • چىلچۆپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] نىشالا ئېتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب. ئادەتتە سەل توم ۋە ئۇچى ئەگمەچ كەلگەن بىر دەستە چىۋىقنى ئايلانما ھالەتتە باغلاش ياكى پۇرژىنا سىملىرىغا تۆمۈر ساپ بېكىتىش يوللىرى بىلەن ياسىلىدۇ.

چىلغوزا

  • چىلغوزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قارىغاينىڭ مەدىكى. شەكلى كۆپىنچە تۇخۇمسىمان يۇمىلاق كېلىدۇ، سىرتى ياغاچلاشقان نۇرغۇن تەڭگىچىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىچىدە ئۇرۇقى بولىدۇ.

چىلگەⅠ

  • چىلگەⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوغۇننىڭ ئەڭ بالدۇر پىشىدىغان بىر خىل تۈرى. ئۆزى نىسبەتەن كىچىك، شەكلى يۇمىلاق ھەم تالا-تالا، رەڭگى پىشقاندا سېرىق، تەمى تاتلىق ۋە سۇلۇق كېلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېتىلىش مەزگىلى قىسقا، بالدۇر پىشىدىغان (زىرائەتلەر ھەققىدە):[مىسال:] چىلگە شال. چىلگە قوناق.

چىلگەⅡ

  • چىلگەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۇلامچاقتىكى تاناب ئارقىلىق كۇدا ئوقلىرىنى ئايلاندۇرىدىغان كىچىك غالتەك.

چىللاتماق

  • چىللاتماق[يەشمىسى:] «چىللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يولۇچى:[مىسال:] توخۇنى يولدا چىللىتارمەن، دەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتۇ.

چىللاشماق

  • چىللاشماق[يەشمىسى:] «چىللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] توي تۈگىگەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مېھمانلارنى نۆۋەت بىلەن ئۆيلىرىگە چىللاشتى.

چىللاق

  • چىللاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] توي تۈگىگەندىن كېىن، قۇدىلارنىڭ ئۆزئارا ھاردۇق سوراپ بېرىدىغان چېيى:[مىسال:] توينىڭ ئۈچىنچى كۈنى، قىز تەرەپ يىگىت تەرەپنى ۋە ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنى چىللاققا ئېيتتى.

چىللانماق

  • چىللانماق[يەشمىسى:] «چىللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىر چوڭ نەزىر بولدى، 40 تاغار گۈرۈچ سېلىنىپ، پۈتۈن قەشقەر چىللاندى.

چىللە

  • چىللە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] يىلنىڭ ئەڭ ئىسسىق ياكى ئەڭ سوغۇق 40 كۈنى. ياز پەسلىدىكى ئەڭ ئىسسىق 40 كۈن ياز چىللىسى بولۇپ، 25-ئىيۇندىن 5-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ؛ قىش پەسلىدىكى ئەڭ سوغۇق 40 قىش چىللىسى بولۇپ، 25-دېكابردىن 5-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تۇغۇتلۇق ئاياللار بالىنى تۇغۇپ، ھەمراھى چۈشۈپ تاكى جىنسىي ئەزالىرى ئەسلىگە كەلگۈچە ئۆتىدىغان 40-42 كۈنلۈك ۋاقىت؛ قىرىقى.

چىللىك

  • چىللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارتا ئويۇنىدىكى شەكلى ئۈچ يوپۇرماققا ئوخشايدىغان قارا رەڭلىك بەلگە ۋە شۇ بەلگە چۈشۈرۈلگەن قەغەز.

چىللىگۈل

  • چىللىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چىللە+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① چىللىگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. گۈلى ھەر خىل رەڭدە بولۇپ، خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

چىللىلىك

  • چىللىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىللىدىن چىقمىغان، قىرىقى توشمىغان:[مىسال:] چىللىلىك ئانا.[يەشمىسى:] ② قىرىقى توشمىغان تۇغۇتلۇق ئايال ئورۇنلاشقان ياكى ياتقان:[مىسال:] چىللىلىك ئۆيگە كېچىسى كوچىدىن كىرىپ كېلىش ياخشى ئەمەس، دېدى ئايسىخان ئانا.

چىللىماق

  • چىللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «قى... قى... قىق...» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، قىچقارماق(خوراز ھەققىدە):[مىسال:] تاڭ خورازلىرىنىڭ بەس-بەس بىلەن چىللاشلىرىغا ئەگىشىپ، قۇياشنىڭ نۇرلىرى جۇۋازخانىنى يورۇتۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② چاقىرماق، تەكلىپ قىلماق:[مىسال:] يارىمنىڭ تىللىغىنى چىللىغىنى(ماقال).[يەشمىسى:] ③ ئۈندىمەك؛ تەشەببۇس قىلماق:[مىسال:] شوخ پەدىگە چېلىنغان ساز ئادەملەرنى ئۇسسۇلغا چىللايتتى.

چىلىق

  • چىلىق[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە قاچىلانغان ياكى تولدۇرۇلغان سۇيۇقلۇقنىڭ يەڭگىل چايقىلىشى ياكى سىلكىنىشىدىن چىققان ئاۋاز، تاۋۇش.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممە يېرى چىلانغان، نەم بولۇپ كەتكەن:[مىسال:] ھۈسەن ئاتتىن چۈشۈپ تېزدىن يۈگۈردى، قىزنىڭ ئۈستۋېشى چىلىق سۇ ئىدى.

چىلىق-چىلىق

  • چىلىق-چىلىق[يەشمىسى:] ① «چىلىق» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئىدىشتىكى سۇ چىلىق-چىلىق قىلىپ چايقىلاتتى.[يەشمىسى:] ② ئۈستىدىن سۇ قويۇلغاندەك، سۇغا چىلانغاندەك:[مىسال:] كۈزنىڭ بىركۈنى يامغۇر كوچىلارنى چىلىق-چىلىق پاتقاق قىلىۋەتكەنىدى.[يەشمىسى:] ③ مەمۇرچىلىق، مولچىلىق:[مىسال:] بەزىلەر:[مىسال:] دېھقانچىلىق-بەزىدە چىلىق-چىلىق، بەزىدە قۇرۇقچىلىق، دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرەتتى.

چىلىقلىماق

  • چىلىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «چىلىق، چىلىق» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق.[يەشمىسى:] ② سۇيۇقلۇق ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ بولماق، تولۇپ تاشماق، چىقماق، تەپچىمەك:[مىسال:] مەن ئويغىنىپ كەتتىم، چىلىقلاپ تەرلەپ كېتىپتىمەن.

چىلىم

  • چىلىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاماكا، نەشە قاتارلىقلارنى چېكىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە. ئۇ كۆپىنچە قاپاقتىن ۋە مىس، بامبۇك قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ. ئۇنىڭغا سەيخانە ئورنىتىلىدۇ. قاپاققا مەلۇم مىقداردا سۇ قاچىلىنىپ، سەيخانىسىغا تاماكا ياكى نەشە سېلىنىدۇ. چەككەندە، نەيچە ئارقىلىق شورالغان ئىس قاپاقتىكى سۇنىڭ سۈزۈشىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئېغىزغا كىرىدۇ.

چىلىماق

  • چىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇيۇقلۇققا پاتۇرماق، كىرگۈزمەك، تۆگۈرمەك:[مىسال:] ئۇ مەكتەپ ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرىق لېۋىدىكى تەتۈر سۆگەت تۈۋىدە پۇتىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ② كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى تۇز، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ ۋە ھاراق قاتارلىقلارغا سالماق:[مىسال:] سەي چىلىماق. ھاراققا دورا چىلىماق.

چىلىنسەي

  • چىلىنسەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قىزىل يۈسۈنلەرنىڭ بىر خىلى. ئۆسۈملۈك تېنى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، تۇتۇق سۆسۈن رەڭدە كېلىدۇ. ئىستېمال قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن شىلىم ئىشلىنىدۇ.

چىمⅠ

  • چىمⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] چىمدىش، چېقىش، سانجىش ياكى بەدەندىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر تەسىرىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل سېزىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەددىدىن زىيادە كۈچەش ياكى تېز ھەرىكەت قىلىش نەتىجىسىدە، بەلدىكى بىر قىسىم مۇسكۇللارنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل بەل ئاغرىقى.

چىمⅡ

  • چىمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، پاكار ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى كۆپ بولىدۇ، كۆپىنچە تۇپرىقى ۋە ھاۋاسى نەم جايلاردا ئۆسىدۇ.[يەشمىسى:] ② قېلىن بىر قەۋەت لېيى بىلەن قېزىپ ئېلىنغان شۇ خىل ئوت. ئادەتتە يەرگە يېيىتىپ ئوتلاق ھاسىل قىلىش، مۇھىتنى گۈزەلەشتۈرۈش ياكى ئېرىق-ئۆستەڭ ياقىلىرىغا ياتقۇزۇپ، سۇنىڭ يالاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

چىمالتا

  • چىمالتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پاچاققا ئورايدىغان گوجەي.

چىمانجار

  • چىمانجار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېقىمى كۈچلۈك دەريا ياكى ئۆستەڭلەردە بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن، قوزۇققا باغلاپ، تىك سېلىنىدىغان تور.

چىمەلتەك

  • چىمەلتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىمچىلاق.

چىمەن

  • چىمەن[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھدىن ئىبارەت يېشىللىق:[مىسال:] ئۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى باغنىڭ ئىچىگە ئېلىپ، ھېچكىمگە كۆرۈنمەي چىمەنلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، مۆكۈپ ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يېشىللىق ياكى گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغان، دەل-دەرەخ ۋە گۈل-چېچەكلەر كۆپ ئۆسكەن جاي؛ گۈلزار، گۈلشەن:[مىسال:] بۇلبۇل چىمەننى سۆيەر، ئادەم ۋەتەننى سۆيەر(ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېشىللىق ياكى گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] چىمەن باغ. چىمەن قىرغاقلار.[يەشمىسى:] ④ قىزلارنىڭ ئىسمى.[يەشمىسى:] ⑤ كۇچا ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.

چىمەندوپپا

  • چىمەندوپپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چىمەن+دوپپا[[مىسال:] دوپپىنىڭ بىر خىلى. تۆپىلىكى يېشىل رەڭلىك يىپەك رەختتىن قىلىنىدۇ. ئۈستىگە ئاق يىپتا غۇنچە، بادامچە، گىجىم قاتارلىق گۈللەر تىكىلىپ، چىمەن مەنزىرىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ، ئادەتتە ئۇنى ئەرلەر كىيىدۇ.

چىمەنزار

  • چىمەنزار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «چىمەنلىك»كە قاراڭ.

چىمەنزارلىق

  • چىمەنزارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىمەن بىلەن قاپلانغان جاي:[مىسال:] يامغۇردىن كېيىن ئەتراپ كۆكىرىپ، چىمەنزارلىققا ئايلانغانىدى.

چىمەنلىك

  • چىمەنلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېشىللىق، گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغان:[مىسال:] بۇلبۇللار گويا چىمەنلىك باغ ئىچىدىن ئۇچۇپ كېلىپ، نەينىڭ قىسقا دەستىسىگە قونىۋالغاندەك ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەممە يېرى ياپيېشىل ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھ ۋە دەل-دەرەخلەر بىلەن تولغان جاي:[مىسال:] ھېلىمۇ ياخشى، غەيرەتنىڭ توغرا ھېسابلىشى بىلەن ئۇلار بىپايان ئورمان ئوتتۇرىسىدىكى بىر چىمەنلىككە ئامان-ئېسەن چۈشۈۋالدى.

چىمچاچاق

  • چىمچاچاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① قىز بالىلارنىڭ جۈپ-جۈپ بولۇشۇپ، تېپىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇنچۇقى:[مىسال:] مەيداننىڭ يۇقىرىسىدا قىزلار جۈپ-جۈپ بولۇشۇپ چىمچاچاق تېپىشمەكتە ئىدى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئويۇنچۇقنى ئوينايدىغان ئويۇن:[مىسال:] چىمچاچاق ئوينىماق.

چىمچىق

  • چىمچىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا يۇمۇلۇپ-ئېچىلىدىغان، چىمىلدايدىغان:[مىسال:] چىمچىق كۆز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆزىنى تولا يۇمۇپ-ئاچىدىغان، چىمىلدىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغان كۆز ۋە شۇنداق كۆزلۈك ئادەم:[مىسال:] داشۈي ئارقىسىغا شۇنداق قاراپ، پارتىزانلاردىن سۈي چىمچىق، ماسەنشالار ئارقىسىغا قاچقىلى باشلىغانلىقىنى كۆردى.

چىمچىقلاتماق

  • چىمچىقلاتماق[يەشمىسى:] «چىمچىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئېشەكلىك ئادەم بولسا، چېقىر كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، تۇرۇۋەردى.

چىمچىقلاشماق

  • چىمچىقلاشماق[يەشمىسى:] «چىمچىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىمچىقلىماق

  • چىمچىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تېز ۋە تەكرار رەۋىشتە يۇمۇلۇپ-ئېچىلماق (كۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ شامالغا قارشى كېتىۋاتقاچقا، قار كىرىپ، كۆزى دەممۇدەم چىمچىقلاپ كېتەتتى.

چىمچىلاق

  • چىمچىلاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] قول ياكى پۇتنىڭ ئەڭ كىچىك بەشىنچى بارمىقى:[مىسال:] قاسىم قاتاڭغۇر قوللىرىنى ئىختىيارسىز جۈپلەپ، چىمچىلىقىدىن قاس چىقاردى.

چىم-چىم

  • چىم-چىم[يەشمىسى:] ① تولا يۇمۇلۇپ ۋە ئېچىلىدىغان، چىمچىقلايدىغان:[مىسال:] چىم-چىم كۆز.[يەشمىسى:] ② سانسىز چېكىت، توچكىلار بىلەن تولغان، چېكىم-چېكىم:[مىسال:] قىزنىڭ ئۇچىسىدا چىم-چىم گۈللۈك يېشىل بەدىس كۆڭلەك بار ئىدى.

چىمچىماق

  • چىمچىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① چىمدىماق. [يەشمىسى:] ② ئاز-ئازدىن بەرمەك.

چىمدىتماق

  • چىمدىتماق[يەشمىسى:] «چىمدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىمدىشماق

  • چىمدىشماق[يەشمىسى:] «چىمدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار بۇرۇنلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى چىمدىشىپ، بىرپەس چاقچاقلىشىۋالدى.

چىمدىق

  • چىمدىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھالقا.

چىمدىم

  • چىمدىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىككى ياكى ئۈچ بارماقنىڭ قىسىش ئارىلىقى:[مىسال:] ئۇنىڭ چىمدىمىغا نېمە توشايدۇ. ئۇ چىمدىم ئەمەس، گويا ئوچۇم.[يەشمىسى:] ② ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بىر چىمدىم توپا. بىر چىمدىم ئۇن.

چىمدىماق

  • چىمدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بارماقلارنىڭ ئۇچلىرى ياكى تىرناقلار ئارىسىغا ئېلىپ قىسماق:[مىسال:] ئۇنىڭ قولى ئېچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى. ئۇ يىڭنە سانجىلغان يەرنى چىڭ چىمدىپ، زەھەرنى چىقىرىۋەتمەكچى بولدى.

چىملىق

  • چىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىم ئۆسكەن يەر:[مىسال:] بۇ يەردىكى دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان دەرەخلەر، پاياندازدەك يېشىل چىملىقلار كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدىكەن.

چىممىدە

  • چىممىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «چىم» قىلىپ، «چىم» قىلغان ھالدا:[مىسال:] ئىززەتنىڭ يۈزى چىممىدە قىزاردى.

چىمئوت

  • چىمئوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چىم+ئوت[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پىلىكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىق ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە.

چىمىتمەك

  • چىمىتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كەمسىتمەك، چۆكۈرمەك.

چىمىر

  • چىمىر[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] سۇ يۈزىنىڭ ئۇششاق دولقۇنلىنىشى، يورۇقلۇقنىڭ بىر يېنىپ، بىر ئۆچۈشى ياكى چاقنىشى، ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ ھەرىكىتى، بەدەندە بىرنەرسە ماڭغاندەك ياكى سانجىلغاندەك سېزىم پەيدا بولۇش قاتارلىق ھالەتلەرگە تەقلىد قىلىنىدۇ.

چىمىر-چىمىر

  • چىمىر-چىمىر[يەشمىسى:] «چىمىر» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئايدىڭ كېچە كۆل ئۈستى چىمىر-چىمىر، ئەتراپىدا تاۋۇش بار پىچىر-پىچىر.

چىمىرلاتماق

  • چىمىرلاتماق[يەشمىسى:] «چىمىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەسۈم ھەيران بولغىنىدىن كۆزلىرىنى چىمىرلىتىپ كەتتى.

چىمىرلاشماق

  • چىمىرلاشماق[يەشمىسى:] «چىمىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ، ئاسماندا يۇلتۇزلار چىمىرلاشماقتا ئىدى.

چىمىرلىماق

  • چىمىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۇششاق ۋە ئاجىز دەرىجىدە دولقۇنلانماق، مەۋج ئۇرماق:[مىسال:] كۆل يۈزى چىمىرلاپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② چاقنىماق، جىلۋە قىلماق، يالتىرىماق؛ تاۋلانماق:[مىسال:] جىمجىت كېچە، ئەتراپ قاراڭغۇ، كۆكتىكى يۇلتۇزلار روشەن چىمىرلايتتى. [يەشمىسى:] ③ ئۈستىدە بىرەر نەرسە ماڭغاندەك، كۆيۈشكەندەك ياكى بىرەر نەرسە سانجىلغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولماق(بەدەن ھەققىدە):[مىسال:] بالىلارنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرۈپ بەدەنلىرىم ئىختىيارسىز چىمىرلاپ، يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى.

چىمىلداتماق

  • چىمىلداتماق[يەشمىسى:] «چىمىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نۇردۇن ھاكىم كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ، لەۋلىرىنى مىدىرلاتقىنىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

چىمىلداشماق

  • چىمىلداشماق[يەشمىسى:] «چىمىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] كېچە، ئاي قاراڭغۇسى. تۆپىلىكتە يۇلتۇزلار تولىمۇ روشەن چىمىلدىشاتتى.

چىمىلدىق

  • چىمىلدىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تويى بولغان يىگىت بىلەن قىز ياكى ئەر-خوتۇننىڭ ياتقان ئورنىنى توسۇش ئۈچۈن تارتىلغان پەردە:[مىسال:] توي تۈگەپ، نىكاھ ئوقۇلۇپ، مەلىكە بۇدۇر ھاياتۇننوپۇسنىڭ چىمىلدىقىغا كىردى.

چىمىلدىقلىق

  • چىمىلدىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىمىلدىقى بار، چىمىلدىق تارتىلغان:[مىسال:] چىمىلدىقلىق ياغاچ كارىۋات.

چىمىلدىماق

  • چىمىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى سانجىغاندەك، تارتىشقاندەك ياكى كۆيۈشكەندەك تۇيغۇ پەيدا بولماق؛ ئېچىشماق:[مىسال:] ئابدۇرېھىمنىڭ يۈزلىرى خىجىللىقتىن قىزىرىپ، چىمىلداپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② تېز ۋە تەكرار رەۋىشتە ئېچىلىپ-يېپىلماق ياكى بوش ۋە ئاجىز دەرىجىدە لىكىلدىماق(كۆز، قاش-قاپاق ھەققىدە):[مىسال:] ئۇنىڭ ساپسېرىق كىرپىكلىرى توختىماي چىمىلداپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ ئۇششاق ۋە ئاجىز دەرىجىدە دولقۇن پەيدا قىلماق؛ كۈۋەجىمەك؛ قاينىماق:[مىسال:] قازاندىكى سۇنىڭ ئۇ يەر-بۇ يېرى بىلىنەر-بىلىنمەس چىمىلداۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ④ بىر يورۇپ-بىر ئۆچمەك، چاقنىماق، يالتىرىماق:[مىسال:] شالاڭلاپ قالغان بۇلۇتلار ئارىسىدا ئاندا-ساندا كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئۇنىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە ئوخشاش چىمىلداپ تۇراتتى.

چىمىگەن

  • چىمىگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىترەك.

چىن Ⅰ

  • چىن Ⅰ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەقىقىي، راست، توغرا؛ تولۇق:[مىسال:] قىز نىياز ئەپەندىمنىڭ گەپلىرىنى چىن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] پاك، ساپ، سەمىمىي.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] قەتئىي، چىڭ:[مىسال:] ئورۇنداشقا سېنىڭ قەرزىڭ، يۈرەكتە چىن قارارىم بار. ئىككى دۇنيا قىلاي خىزمەت، بولۇپ ساڭا چىن ۋاپادار.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەقىقىي ھالدا، راستى بىلەن، راست:[مىسال:] چىن ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ سەنئەت.

چىنⅡ

  • چىنⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جۇڭگونىڭ بەزى مەملىكەتلەردە ئاتالغان نامى.

چىنار

  • چىنار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىنار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يول بويلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، ياغىچى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

چىنارگۈل

  • چىنارگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چىنار+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چىنارگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، پارقىرايدۇ، گىرۋىكى سىرتقا پۈرلىشىدۇ؛ گۈلى ئاق، خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ مېۋىسى سوقىچاق كېلىدۇ. ئادەتتە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.

چىنارلىق

  • چىنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىنار ئۆسكەن جاي، يەر.

چىنە

  • چىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] فارفور ماتېرىيالېدىن ياسىلىدىغان، تاماق ئۇسۇلىدىغان بىر خىل قاچا. ئاغزى كەڭ، تۈۋى كىچىك ۋە يۇمىلاق كېلىدۇ.

چىنە-قاچا

  • چىنە-قاچا[يەشمىسى:] چىنە ۋە شۇ قاتارلىق قاچىلار:[مىسال:] ئۆينىڭ ئىچىدە گەپ قىلىشقان ئاۋازلار ۋە چىنە-قاچىلانىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

چىنپۈتمەك

  • چىنپۈتمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]چىن+پۈتمەك[[يەشمىسى:] ئىشەنمەك:[مىسال:] مەن ئىمتىھاندا ئاق قەغەز تاپشۇرغانلارنى ئوقۇشقا ئاپتۇ دېگەن گەپكە چىنپۈتمەيتتىم.

چىنتاش

  • چىنتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]چىن+تاش[[يەشمىسى:] ① ياقۇت، زۇمرەت، پروزا قاتارلىق ئېسىل تاشلارنىڭ ئومۇمىي نامى. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

چىندان

  • چىندان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سەندەل.

چىندىن

  • چىندىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] سۆزلەۋاتقان پەيتتە ئۆتۈۋاتقان كۈندىن ئۈچ كۈن كېيىنكى كۈن، تۆتىنچى كۈن، يەنى ئىندىندىن كېيىنكى كۈن.

چىنلىق

  • چىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەقىقىي ئەھۋال، ھەقىقەت، رېئاللىق، ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت:[مىسال:] مۇقام تېكىستلىرىدىكى مۇھەببەت ناخشىلىرى خەلق ھاياتىدىكى چىنلىقنىڭ بىر قىسمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

چىۋ

  • چىۋ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تورغايغا ئوخشاش بەزى قۇشلار سايرىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

چىۋى

  • چىۋى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بۇقىنىڭ جىنسىي ئەزاسى.

چىۋىچ

  • چىۋىچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوغلاقنىڭ چىشىسى:[مىسال:] قىزلارنىڭ نازلىق چىرقىراشلىرى، ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرى، يىگىتلەرنىڭ يامغۇردا قالغان چىۋىچ ئوغلاق مەرىگەندەك «ۋەيت...ۋەيت......» دەپ ۋارقىراشلىرى ئۆينى كۆتۈرۈۋېتەتتى.

چىۋىق

  • چىۋىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تال، سۆگەت قاتارلىقلارنىڭ يېڭى ئۆسكەن، يۇمران ۋە ئىنچىكە شېخى:[مىسال:] خېۋىر قوتاننىڭ چىۋىقتىن توقۇلغان يوغان ئىشىكىنى يېپىپ، غورۇ بىلەن توسۇپ، ئاستا سەپەر توقۇمنىڭ يېنىغا كەلدى.[يەشمىسى:] ② ئىنچىكە تۆمۈر تاياقچە:[مىسال:] پولات چىۋىق.

چىۋىقلاتماق

  • چىۋىقلاتماق[يەشمىسى:] «چىۋىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

چىۋىقلاشماق

  • چىۋىقلاشماق[يەشمىسى:] «چىۋىقلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

چىۋىقلانماق

  • چىۋىقلانماق[يەشمىسى:] «چىۋىقلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

چىۋىقلىماق

  • چىۋىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىۋىق بىلەن ئۇرماق، ساۋىماق.

چىۋىلدىماق

  • چىۋىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «چىۋ، چىۋ» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق؛ سايرىماق:[مىسال:] دەرەخ ئۈستىگە قونۇۋالغان قۇشقاچ بىرپەس جىمىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە چىۋىلداپ كېتەتتى.

چىۋىن

  • چىۋىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. خىللىرى كۆپ، ئادەتتە ئۆي چىۋىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بېشىدا بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆزى بولىدۇ، لېچىنكىسى قۇرت دېيىلىدۇ؛ يېتىلگىنى خولېرا، كېزىك كېسەللىكلىرىنى تارقىتىدۇ.

چىۋىنخور

  • چىۋىنخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىۋىن بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان، چىۋىن تۇتۇپ يەيدىغان:[مىسال:] چىۋىنخور ئوت. چىۋىنخور ئۆمۈچۈك.

چىۋىنقىماق

  • چىۋىنقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] مال-ۋارانلار باش ۋە پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ، چىۋىننى قوغلىماق.

چىيقان

  • چىيقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل تېرە كېسەللىكى. بۇنى تېرە تۈك خالتىلىرىغا ئۆسۈپ كىرگە ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ياكى زەنجىرسىمان باكتېرىيىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىدا ئىچىگە قان تولغان قاتتىق گادالار پەيدا يىرىڭلايدۇ، قىزىرىپئىششىيدۇ ۋە قاتتىق ئاغرىتىدۇ. «كۆتىيوغان»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

چياڭزۇ

  • چياڭزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۋەن ئۆلكىسى ماۋىن چىياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە ۋېنچۋەن، لىشىيەن، سۇڭفەن ناھىيلىرىنىڭ بەزى رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان.