ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

24 ھ 🔗

ھ

ھا

ھاببا

ھاببا قىلماق

ھاپ

ھاپ ئەتمەك

ھاپ تۆگىلەڭ

ھاپ قىلماق

ھاپاش

ھاپاش بولماق

ھاپاشلاتماق

ھاپاشلىماق

ھاپپا

ھاپىتى-شاپىتى

ھاپىتىغا شاپىتى

ھاپىز

ھاپىزلىق

ھاپىلا-شاپىلا

ھاتەم

ھاجەت

ھاجەت بولماق

ھاجەت قىلماق

ھاجەتخانا

ھاجەتسىز

ھاجەتلىك

ھاجەتمەن

ھاجەتمەنلىك

ھاجى

ھاجىپ

ھاجىلىق

ھادىرۇسكۇن

ھادىرۇسكۇنچىلىق

ھادىس

ھادىسە

ھادىسىشۇناس

ھادىسىشۇناسلىق

ھار

ھار ئالماق

ھار كەلمەك

ھارارەت

ھارارەتسىز

ھارارەتلىك

ھاراقⅠ

ھاراقⅡ

ھاراقخور

ھاراقخورلۇق

ھاراق-شاراب

ھاراقكەش

ھاراقكەشلىك

ھارام

ھارام بولماق

ھارام تاماق

ھارام تاماقلىق

ھارام قىلماق

ھارام كەتمەك

ھارامزادە

ھارامزادىلەشمەك

ھارامزادىلىك

ھارامسۈيدۈك

ھاراملىق

ھاراملىققا يوق

ھارپا

ھاردۇق

ھاردۇق چېيى

ھاردۇق سورىماق

ھاردۇق ئېشى

ھاردۇققا چىقماق

ھاردۇقى چىقماق

ھارسىز

ھارسىزلىق

ھارسىنماق

ھارغۇزماق

ھارغۇزۇشماق

ھارغىن

ھارغىنلىق

ھارماس

ھارماق

ھارماي-تالماي

ھاروت

ھارۋا

ھارۋىدا توشقان ئوۋلىماق

ھارۋىكەش

ھارۋىكەشلىك

ھارۋىلىق

ھارۋىنى قۇرۇق ئېلىپ قاچماق

ھارىمى

ھازاⅠ

ھازا ئېشى

ھازاⅡ

ھازىچى

ھازىدار

ھازىدارلىق

ھازىر

ھازىرەن

ھازىرەنلىك

ھازىرەنلىككە

ھازىرجاۋاب

ھازىرجاۋابلىق

ھازىرچە

ھازىرقى زامان

ھازىرلاتماق

ھازىرلاشماق

ھازىرلانماق

ھازىرلىق

ھازىرلىقسىز

ھازىرلىققا

ھازىرلىماق

ھازىلىق

ھاسا

ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ

ھاسىراتماق

ھاسىراشماق

ھاسىرىماق

ھاسىل

ھاسىلات

ھاسىلە

ھاسىلكالام

ھاسىلىق

ھاسىلىي

ھاشار

ھاشارات

ھاشاراتخور

ھاشاراتخورلۇق

ھاشاراتشۇناس

ھاشاراتشۇناسلىق

ھاشارچى

ھاشىيە

ھاقارەت

ھاقارەتلەتمەك

ھاقارەتلەشمەك

ھاقارەتلەنمەك

ھاقارەتلىك

ھاقارەتلىمەك

ھاقارەتنامە

ھاك

ھاك تاش

ھاكاۋۇر

ھاكاۋۇرانە

ھاكاۋۇرلارچە

ھاكاۋۇرلاشتۇرماق

ھاكاۋۇرلاشماق

ھاكاۋۇرلۇق

ھاكچى

ھاكچىلىق

ھاكلاتماق

ھاكلاشماق

ھاكلانماق

ھاكلىق

ھاكلىماق

ھاكىم

ھاكىمبەگ

ھاكىملىق

ھاكىممۇتلەق

ھاكىممۇتلەقلىق

ھاكىمىيەت

ھاكىمىيەتلىك

ھاڭⅠ

ھاڭⅡ

ھاڭ قاتماق

ھاڭ قالماق

ھاڭⅢ

ھاڭ-تاڭ

ھاڭ-تاڭ بولماق

ھاڭ-تاڭلىق

ھاڭراتماق

ھاڭراشماق

ھاڭرىماق

ھاڭغۇت

ھاڭغۇق

ھاڭغىرقاي

ھاڭقايماق

ھاڭگا

ھاڭگا ئاياق

ھاڭگا تېرەك

ھاڭگىت

ھاڭگىز

ھاڭ-ھاڭ

ھاڭۋاقتى

ھاڭۋاقتىلىق

ھاڭۋاقماق

ھالⅠ

ھال رەڭ

ھالⅡ

ھالⅢ

ھال تارتماق

ھال تەگمەك

ھال ئېيتماق

ھالى تەڭ

ھالىغا خادا بويلىمايدىغان

ھالى قالماسلىق

ھالىڭ شۇ

ھالى يوق

ھالا

ھالاقەت

ھالاك

ھالاك بولماق

ھالاك قىلماق

ھالاكەت

ھالاكەتلىك

ھالال

ھالاللىق

ھالاللىماق

ھالاۋەت

ھالاۋەتلىك

ھالەت

ھال-ئەھۋال

ھالبۇكى

ھالپۇ

ھالدا

ھالسىراتماق

ھالسىراشماق

ھالسىرىماق

ھالسىز

ھالسىزلاندۇرماق

ھالسىزلاندۇرۇلماق

ھالسىزلانماق

ھالسىزلىق

ھالسىزلىنىشماق

ھالقا

ھالقىتماق

ھالقىشماق

ھالقىلىق

ھالقىلىق ئات

ھالقىماق

ھال-كۈن

ھاللازلىماق

ھاللاشماق

ھاللاڭ

ھاللانماق

ھاللەسە

ھاللىق

ھال-مۇڭ

ھال-ئوقەت

ھال-ئوقەتلىك

ھالۇ

ھالۋا

ھالۋىچى

ھام

ھاماقەت

ھاماقەتلەشمەك

ھاماقەتلىك

ھامان

ھامانە

ھامانەم

ھامما

ھامما ئاچا

ھاممال

ھامماللىق

ھاممام

ھاممامچى

ھامىلە

ھامىلىدار

ھامىلىدارلىق

ھامىنى

ھامىي

ھامىيلىق

ھاننات

ھاھ

ھاھ-ھاھ

ھاۋ

ھاۋا

ھاۋا بېسىمى

ھاۋا تاپان

ھاۋا رايى

ھاۋا رەڭ

ھاۋادان

ھاۋاسىز

ھاۋاسىزلاندۇرماق

ھاۋاسىزلاندۇرۇلماق

ھاۋاسىزلانماق

ھاۋالاندۇرماق

ھاۋالاندۇرۇلماق

ھاۋالانماق

ھاۋالە

ھاۋالىق

ھاۋانچا

ھاۋايى-ھەۋەس

ھاۋشىتماق

ھاۋشىشماق

ھاۋشىماق

ھاۋ-ھاۋ

ھاي

ھاي بەرمەك

ھاي دېمەك

ھايا

ھايات

ھاياتبەخش

ھاياتلىق

ھايات-مامات

ھايات-ماماتلىق

ھاياتىي

ھاياجان

ھاياجانلاندۇرماق

ھاياجانلانماق

ھاياجانلىق

ھاياجانلىنىشماق

ھاياسىز

ھاياسىزلىق

ھايال

ھايال قىلماي

ھايال ئۆتمەي

ھايالسىز

ھاياللىماق

ھايالىق

ھايان

ھاينىغا قالماق

ھايانكەش

ھايانكەشلىك

ھايت

ھايت دەپ قويماق

ھايتاق

ھايتاق ئاتماق

ھايت-ھۇيت

ھايت-ھۇيت دېگۈچە

ھايقىرتماق

ھايقىرماق

ھايقىرىشماق

ھايقىرىق

ھايھات

ھاي-ھاي

ھاي-ھۇي

ھايۋان

ھايۋانات

ھايۋانات ئىمبرىئولوگىيىسى

ھايۋانلارچە

ھايۋانلىق

ھايۋانىي

ھەⅠ

ھەⅡ

ھە دەپ

ھە دېسىلا

ھە دېگەندە

ھەئە

ھەبەش

ھەببە

ھەببەللى

ھەببۇلمۈلۈك

ھە-پە دېيىشمەك

ھەپەش

ھەپەشخان

ھەپتە

ھەپتە-ھەپتىلەپ

ھەپتىرەڭ

ھەپتىلەپ

ھەپتىلىك

ھەپتىيەك

ھەپسە

ھاي-ھۇي

ھەپسىخانا

ھەپسىلە

ھەپسىلىسى پىر بولماق

ھەپشىمەك

ھەپىرەڭ

ھەپىلەشمەك

ھەپىلەك

ھەتتا

ھەتتاكى

ھەتتەڭ

ھەتتەڭەي

ھەتتەمشا

ھەج

ھەجەڭگە

ھەجۋ

ھەجۋىي

ھەجۋىيچى

ھەجۋىيلەشتۈرمەك

ھەجۋىيلەشتۈرۈشمەك

ھەجۋىيلەشتۈرۈلمەك

ھەجۋىيلەشمەك

ھەجۋىيلىك

ھەجىلەتمەك

ھەجىلەشمەك

ھەجىلەنمەك

ھەجىلىمەك

ھەجىم (ھەجمى)

ھەجىملىك

ھەد (ھەددى)

ھەدە

ھەددى-ھېساب

ھەددى-ھېسابسىز

ھەدىس

ھەدىلىك

ھەدىيە

ھەدىيىچى

ھەدىيىلىك

ھەر

ھەر باب بىلەن

ھەر تەرەپلىمە

ھەر تۈرلۈك

ھەر خىل

ھەر دائىم

ھەرەⅠ

ھەرەⅡ

ھەرەج

ھەرەڭ-سەرەڭ

ھەرەم

ھەرەمئاغىسى

ھەرەمباغ

ھەرەمخانا

ھەرەمگاھ

ھەربىر

ھەربىرلىرى

ھەربىي

ھەربىي رايون

ھەربىي سەپ

ھەربىي مەشىق

ھەربىي ھالەت

ھەربىي ئۆزگىرىش

ھەربىي يۈرۈش

ھەربىيچە

ھەربىيلەشتۈرمەك

ھەربىيلەشتۈرۈلمەك

ھەربىيلەشمەك

ھەربىيلىك

ھەرپ

ھەرپلىك

ھەرپمۇھەرپ

ھەرراس

ھەرقاچان

ھەرقانچە

ھەرقانداق

ھەرقانداق بولسا

ھەرقانداق قىلغان بىلەن

ھەرقايسى

ھەرقەيەر

ھەرقىسما

ھەركىم

ھەرگىز

ھەرنېمە

ھەرنېمە بولسا

ھەرنېمە دېمەك

ھەر نېمە قىلىپ

ھەرھالدا

ھەر-ھەر

ھەرىكەت

ھەرىكەتچان

ھەرىكەتچانلىق

ھەرىكەتسىز

ھەرىكەتسىزلىك

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ

ھەرىكەتلەندۈرمەك

ھەرىكەتلەندۈرۈلمەك

ھەرىكەتلەنمەك

ھەرىكەتلىك

ھەرىلەتمەك

ھەرىلەشمەك

ھەرىلەنمەك

ھەرىلىمەك

ھەزەر

ھەزرەت

ھەزرىتى

ھەزىل

ھەزىلەك

ھەزىلەكلىك

ھەزىلكەش

ھەزىلكەشلىك

ھەزىللەشمەك

ھەزىم

ھەزىم قىلماق

ھەزىم قىلىش سىستېمىسى

ھەسەت

ھەسەتخور

ھەسەتخورلۇق

ھەسەل ھەرىسى

ھەسەلچى

ھەسەلچىلىك

ھەسەلدان

ھەسەن-ھۈسەن

ھەسرەت

ھەسرەتسىز

ھەسرەتلەندۈرمەك

ھەسرەتلەنمەك

ھەسرەتلىك

ھەسرەتلىنىشمەك

ھەسرەت-نادامەت

ھەسسە

ھەسسىدار

ھەسسىدارلىق

ھەسسىلەپ

ھەسسىلەنمەك

ھەسسىلىك

ھەسسىلىمەك

ھەسسىنەي

ھەشەم

ھەشەمەت

ھەشەمەتچى

ھەشەمەتچىلىك

ھەشەمەتخور

ھەشەمەتخورلۇق

ھەشەمەتسىز

ھەشەمەتلىك

ھەشەمخور

ھەشەمخورلۇق

ھەشەم-دەرەم

ھەشەمسىز

ھەشەملىك

ھەش-پەش

ھەش-پەش دېگۈچە

ھەشتار

ھەشتەرخان

ھەشتىيەك

ھەشقاللا

ھەشقىپىچەك

ھەق (ھەققى)

ھەق تەلەپ قانۇنى

ھەقەمسايە

ھەقتائالا

ھەقتە

ھەقدار

ھەقدارلىق

ھەقسىز

ھەقسىزلىق

ھەققانىي

ھەققانىيەت

ھەققانىيەتپەرۋەر

ھەققانىيەتچى

ھەققانىيەتچىل

ھەققانىيەتچىللىك

ھەققانىيەتسىز

ھەققانىيەتسىزلىك

ھەققانىيەتلىك

ھەققانىيلىق

ھەققىدە

ھەقلىق

ھەق-ناھەق

ھەققۇۋ

ھەقىقەت

ھەقىقەتەن

ھەقىقەتپەرۋەر

ھەقىقەتچى

ھەقىقەتچىلىك

ھەقىقەتسىز

ھەقىقەتسىزلىك

ھەقىقەتلەنمەك

ھەقىقەتلىمەك

ھەقىقىي

ھەقىقىي سان

ھەقىقىيلىق

ھەلⅠ

ھەلⅡ

ھەل قىلغۇچ

ھەلەپ

ھەلەك

ھەلەكچىلىك

ھەلەلەڭ

ھەلەم

ھەلچىلىك

ھەلقۇم

ھەلىيە

ھەم

ھەمەك

ھەمەك نان

ھەمەلⅠ

ھەمەلⅡ

ھەمەل بۇرجى

ھەمەلچە

ھەمتاۋاق

ھەمجەھەت

ھەمجور

ھەمجىنس

ھەمد

ھەمداستىخان

ھەمدە

ھەمدەرد

ھەمدەردلىك

ھەمدەم

ھەمدەم خىيال

ھەمدەملەشتۈرمەك

ھەمدەملەشمەك

ھەمدەملىك

ھەمدۇسانا

ھەمراھ

ھەمراھسىز

ھەمراھلاشماق

ھەمراھلىق

ھەمزە

ھەمسات

ھەمسەپەر

ھەمسورۇن

ھەمسۆھبەت

ھەمشەھەر

ھەمشېرىك

ھەمشىرە

ھەمشىۋا

ھەمقەدەم

ھەمكار

ھەمكارلاشتۇرماق

ھەمكارلاشماق

ھەمكارلىق

ھەمكەسىپ

ھەملە

ھەممە

ھەممە قازاندا قاينىماق

ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەك

ھەممەيلەن

ھەمنەپەس

ھەمنەپەسلىك

ھەمىزەك

ھەمىشە

ھەمياستۇق

ھەميان

ھەنەفىيلەر

ھەنبەلىيلەر

ھەننىۋا

ھە-ھۇ

ھە-ھۇ بىلەن

ھە-ھۇ دېگۈچە

ھە-ھۇ دېمەك

ھە-ھۇچىلار

ھەۋەس

ھەۋەسكار

ھەۋەسكارلىق

ھەۋەسلەندۈرمەك

ھەۋەسلەنمەك

ھەۋەسلىك

ھەۋەسلىنىشمەك

ھەۋەسمەن

ھەۋەسمەنلىك

ھەۋزىكەۋسەر

ھەي

ھەيئەت

ھەيئەت رىياسەت

ھەيئەتلىك

ھەيدەتمەك

ھەيدەشتۈرمەك

ھەيدەشمەك

ھەيدەكچى

ھەيدەكچىلىك

ھەيدەلمەك

ھەيدىمەك

ھەيرانⅠ

ھەيرانⅡ

ھەيرانە

ھەيرانچىلىق

ھەيرانلىق

ھەيران-ھەس

ھەيرەت

ھەيز

ھەيكەل

ھەيكەلتاراش

ھەيكەلتاراشلىق

ھەيۋە

ھەيۋەت

ھەيۋەتلەشمەك

ھەيۋەتلىك

ھەيۋىلىك

ھەييار

ھەييارلارچە

ھەييارلاشتۇرماق

ھەييارلاشماق

ھەييارلىق

ھوپ

ھوت

ھوت بۇرچى

ھودكىن

ھودكىن كېسەللىكى

ھودۇد

ھودۇقتۇرماق

ھودۇققاق

ھودۇققاقلىق

ھودۇقماق

ھودۇقۇشماق

ھور

ھورى بېسىقماق

ھورى بېسىلماق

ھورى تۈگەپ، شورى قالماق

ھورى چىقماق

ھورداتماق

ھورداشماق

ھورداق

ھوردالماق

ھوردانماق

ھوردىماق

ھورلاشماق

ھورنان

ھوسۇل

ھوسۇلچى

ھوسۇلدار

ھوسۇلدارلىق

ھوسۇلسىز

ھۇسۇللۇق

ھوشⅠ

ھوشⅡ

ھوشسىز

ھوشسىزلاندۇرماق

ھوشسىزلاندۇرۇشماق

ھوشسىزلاندۇرۇلماق

ھوشسىزلانماق

ھوشسىزلىق

ھوششەرە

ھوشلۇق

ھوشۇقچە

ھوشيار

ھوشيارلاشماق

ھوشيارلىق

ھوقۇق

ھوقۇقخۇمار

ھوقۇقدار

ھوقۇقسىز

ھوقۇقسىزلىق

ھوقۇقشۇناس

ھوقۇقشۇناسلىق

ھوقۇقلۇق

ھوگا

ھوگازا

ھوگۇنا

ھوڭ

ھولا

ھولولوپ

ھولولوپلۇق

ھولۇقتۇرماق

ھولۇققاق

ھولۇققاقلىق

ھولۇقماق

ھولۇقۇشماق

ھومايماق

ھومىيىشماق

ھوناغ

ھونىغىغا كەلمەك

ھونلار

ھونناق

ھونۇز

ھوي

ھويلا

ھويلا-ئارام

ھويلىلىق

ھۇ

ھۇجرا

ھۇجرىداش

ھۇجرىلىق

ھۇجۇم

ھۇجۇمچى

ھۇجۇملۇق

ھۇررا

ھۇرۇن

ھۇرۇنلاشتۇرماق

ھۇرۇنلاشماق

ھۇرۇنلۇق

ھۇزۇرⅠ

ھۇزۇرⅡ

ھۇزۇرلاندۇرماق

ھۇزۇرلانماق

ھۇزۇرلىنارلىق

ھۇزۇرلىنىشماق

ھۇزۇر-ھالاۋەت

ھۇما

ھۇۋ

ھۇۋقۇش

ھۇۋلاتماق

ھۇۋلاشماق

ھۇۋلىماق

ھۇۋۇلدىماق

ھۆ

ھۆپۈپ

ھۆپىگەر

ھۆپىگەرلىك

ھۆپىگەن

ھۆتۈت-پۆتۈت

ھۆتۈت-پۆتۈت دېمەك

ھۆتۈتلىمەك

ھۆججەت

ھۆججەتشۇناس

ھۆججەتشۇناسلىق

ھۆججەتلەشتۈرمەك

ھۆججەتلەشتۈرۈلمەك

ھۆججەتلەشمەك

ھۆججەتلىك

ھۆدەيچى

ھۆددە

ھۆددەس

ھۆددىگەر

ھۆددىگەرلىك

ھۆددىلەشمەك

ھۆددىلىمەك

ھۆرⅠ

ھۆرⅡ

ھۆر-پەرى

ھۆر-غىلمان

ھۆركىرەتمەك

ھۆركىرەشمەك

ھۆركىرىمەك

ھۆرلۈك

ھۆرمەت

ھۆرمەت قاراۋۇلى

ھۆرمەتچان

ھۆرمەتسىز

ھۆرمەتسىزلىك

ھۆرمەتلەتمەك

ھۆرمەتلەشمەك

ھۆرمەتلەنمەك

ھۆرمەتلىك

ھۆرمەتلىمەك

ھۆرمەت-ئېھتىرام

ھۆر-ھۆر

ھۆر-ھۆر يىغلىماق

ھۆرۈ-پۆرۈ

ھۆرۈ-پۆرۈ دېمەك

ھۆرىستان

ھۆرىگۈل

ھۆرىيەت

ھۆرىيەتپەرۋەر

ھۆرىيەتپەرۋەرلىك

ھۆرىيەتچى

ھۆسن

ھۆسن-جامال

ھۆسنخەت

ھۆسنلىك

ھۆسۈت

ھۆسىلە

ھۆسىلە-سۈلكەت

ھۆكمەت

ھۆكمەتچى

ھۆكۈم

ھۆكۈم سۈرمەك

ھۆكۈما

ھۆكۈمەت

ھۆكۈمەتسىز

ھۆكۈمەتسىزلىك

ھۆكۈمچى

ھۆكۈمدار

ھۆكۈمدارلىق

ھۆكۈمران

ھۆكۈمرانلىق

ھۆكۈملەنگۈچى

ھۆكۈملۈك

ھۆكۈملىگۈچى

ھۆكۈمنامە

ھۆكۈنەك

ھۆڭ

ھۆڭرەتمەك

ھۆڭرەشمەك

ھۆڭرىمەك

ھۆڭگىرەك

ھۆڭگىرەك ئاتماق

ھۆڭگۈرەكلىمەك

ھۆڭڭىدە

ھۆڭ-ھۆڭ

ھۆل

ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك

ھۆل تەمرەتكە

ھۆل خىشقا دەسسىمەك

ھۆلتەن

ھۆلچىلىك

ھۆل-قۇرۇق

ھۆللەتمەك

ھۆللەشمەك

ھۆللەنمەك

ھۆللۈك

ھۆللىمەك

ھۆل-يېغىن

ھۆمۈدەشمەك

ھۆمۈدىمەك

ھۈ

ھۈپ

ھۈپپىدە

ھۈپلەتمەك

ھۈپلىمەك

ھۈپ-ھۈپ

ھۈجەيرە

ھۈرپەيتمەك

ھۈرپەيمەك

ھۈرپىيىشمەك

ھۈررەك

ھۈررەكلەشمەك

ھۈررەكلىك

ھۈررەك-ھۈررەك

ھۈرمەك

ھۈل

ھۈمەلچاي

ھۈممە

ھۈنەر

ھۈنەر-سەنئەت

ھۈنەرسىز

ھۈنەرلىك

ھۈنەرۋەن

ھۈنەرۋەنلىك

ھېجىر

ھېجىقىز

ھېچ

ھېچ قەيەر

ھېچ گەپ ئەمەس

ھېچ گەپنىڭ تايىنى يوق

ھېچ گەپ يوق

ھېچ نەرسە

ھېچ نەرسە ئەمەس

ھېچ ۋاقىت

ھېچ ۋەقەسى يوق

ھېچ ئىش كۆرمىگەن

ھېچ ئىش يوق

ھېچبولمىسا

ھېچبولمىغاندا

ھېچبىر

ھېچقاچان

ھېچقانچە

ھېچقانداق

ھېچقايسى

ھېچقىسى

ھېچقىسى يوق

ھېچكىم

ھېچنە

ھېچنېمە

ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق

ھېرىپ-چارچاپ

ھېرىپ-ئېچىپ

ھېرىس

ھېرىسلىك

ھېرىسمەن

ھېرىسمەنلىك

ھېرىقماق

ھېزى

ھېس (ھېسسى)

ھېس قىلماق<پسىخولوگىيە>

ھېساب

ھېساب ئەمەس

ھېسابتا بار، ھەمدەمدە يوق

ھېسابىنى ئالماق

ھېسابى يوق

ھېسابات

ھېساب-چوت

ھېسابچى

ھېسابسىز

ھېساب-كىتاب

ھېسابلاتماق

ھېسابلاش

ھېسابلاش ماشىنىسى

ھېسابلاشماق

ھېسابلاقلىق

ھېسابلانماق

ھېسابلىغۇچ

ھېسابلىق

ھېسابلىماق

ھېس-تۇيغۇ

ھېسداش

ھېسداشلىق

ھېسسىز

ھېسسىي

ھېسسىي بىلىش

ھېسسىيات

ھېسسىياتچان

ھېسسىياتچانلىق

ھېسسىياتسىز

ھېسسىياتلىق

ھېسسىيلىق

ھېس-ھاياجان

ھېسىپ

ھېشىق

ھېق

ھېق تۇتماق

ھېققىدە

ھېقىق

ھېقىقلىماق

ھېكايە

ھېكايە فىلىم

ھېكايىچى

ھېكايىچىلىق

ھېكماچ

ھېكمەت

ھېكمەتلىك

ھېكىم

ھېلى

ھېلى بىكار

ھېلىتىن

ھېلىدىن-ھېلى

ھېلىدىن-ھېلىغا

ھېلىغىچە

ھېلىقى

ھېلىلە

ھېلىلە قورۇق

ھېلىمۇ

ھېلىھەم

ھېيت

ھېيت-ئايەم

ھېيت-بايرام

ھېيتلاتماق

ھېيتلاشماق

ھېيتلىق

ھېيتلىماق

ھېيىقتۇرماق

ھېيىقماق

ھېيىقىشماق

ھىجارىماق

ھىجاق

ھىجايتماق

ھىجايغاق

ھىجايماق

ھىجران

ھىجرانلىق

ھىجرەت

ھىجرىيە

ھىجىيىشماق

ھىد

ھىدىنى چىقارماسىلىق

ھىدايەت

ھىدروكاربون

ھىدروگېن

ھىدروگېنلىق

ھىدسىز

ھىدلاشماق

ھىدلىق

ھىدلىماق

ھىراۋۇل

ھىرلىگۇدۇڭ

ھىسار

ھىساربېگى

ھىستېرىيە

ھىڭ

ھىڭگاڭ

ھىڭگان

ھىڭگايتماق

ھىڭگايماق

ھىلال

ھىلال ئاي

ھىلبۇۋا

ھىلبۇۋا ئوتى

ھىلپىرلىماق

ھىل-ھىل

ھىلھىلە

ھىلھىلە ياغلىق

ھىليۇن

ھىمⅠ

ھىمⅡ

ھىمات

ھىماتچى

ھىماتسىز

ھىمالايا

ھىمايە

ھىمايىچى

ھىمايىسىز

ھىمزىرھىم

ھىملەشتۈرمەك

ھىملەشمەك

ھىملەنمەك

ھىملىمەك

ھىممەت

ھىممەت-ساخاۋەت

ھىممەتسىز

ھىممەتسىزلىك

ھىممەت-شاپائەت

ھىممەتلىك

ھىمىرلاش

ھىمىق

ھىنايانا

ھىندى

ھىندى ئوكيان

ھىندىچە

ھىندىچىنى

ھىندىغالچەك

ھىيلە

ھىيلە قىلماق

ھىيلە-مىكىر

ھىيلە-مىكىرچى

ھىيلە-مىكىرلىك

ھىيلە-نەيرەڭ

ھىيلىگەر

ھىيلىگەرلىك

ئىزاھى

ھ

  • ھ[يەشمىسى:] ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىنىڭ يىگىرمە تۆتىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتىن يىگىرمە تۆتىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «ھ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «ھ» بولۇپ بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ھ»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ھ»، ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكىل بىلەن ئوئىشاش. ئوقۇلۇشى ياكى نامى «ھې».

  • «ھ» تاۋۇشى ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن بوغۇز تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتۇر.

  • «ھ» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • ئەرەب، پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ھ» تاۋۇشى جانلىق تىلدا چۈشۈپ قالسىمۇ، ئەدەبىي تىلنىڭ ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزىدا چۈشۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا جانلىق تىلدا

  • پادىشاھ-پادىشاھىم پادىشا-پادىشايىم

  • گۇۋاھ-گۇۋاھچى گۇۋا-گۇۋاچى

  • سىياھ-سىياھىم سىيا-سىيايىم

ھا

  • ھا[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] خۇشال بولۇپ ياكى قارشى تەرەپنى مەنسىتمەي كۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ئەخمەت «ھا-ھا-ھا» دەپ قاقاقلاپ كۈلگەندە، ئۇنىڭ دوپدوغىلاق يۈزى ئاناردەك قىزىرىپ، يوغان كۆزلىرى قىسىلىپ كەتتى.

ھاببا

  • ھاببا[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز. بال س[يەشمىسى:] «ھاببا قىلماق»قا قاراڭ.

ھاببا قىلماق

  • ھاببا قىلماق[يەشمىسى:] سۆيۈپ قويماق:[مىسال:] -بالام ئاچاشنى ھاببا قىلىپ قويۇڭا، دېدى ئۇ قىزىغا ئارزۇگۈلنى كۆرسىتىپ.

ھاپ

  • ھاپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىزنىڭ يوغان ھەم تېز ئېچىلىپ-يېپىلىشىدىن ياكى ئېغىزنى يوغان ئېچىپ بىرەر نەرسىنى تېز ئېغىزغا سېلىپ ئېغىزنى يۇمۇشتىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ھاپ ئەتمەك. ھاپ قىلماق.

ھاپ ئەتمەك

  • ھاپ ئەتمەك[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى ئېغىزغا ئىتتىك ھەم بىراقلا سالماق:[مىسال:] ئۇ تەخسىدىكى ئۇۋاق ناننى قولىغا سىيرىدى-دە، ھاپ ئەتتى.

ھاپ تۆگىلەڭ

  • ھاپ تۆگىلەڭ[يەشمىسى:] كىچىك بالىنى بوينىغا مىندۈرۈش:[مىسال:] دىلەيساخان باينىڭ ئەركە، خام سېمىز قىزىنى كۆتۈرۈپ «ھاپ تۆگىلەڭ» قىلىپ ئوينىتاتتى.

ھاپ قىلماق

  • ھاپ قىلماق[يەشمىسى:] «ھاپ ئەتمەك»كە قاراڭ.

ھاپاش

  • ھاپاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەمنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ كۆتۈرۈش، يۈدۈش:[مىسال:] ھاپاش ئەتمەك. ھاپاش قىلماق.

ھاپاش بولماق

  • ھاپاش بولماق[يەشمىسى:] ① دۈمبىسىگە چىقماق، دۈمبىسىگە مىنمەك:[مىسال:] دەرھال ھاپاش بۇلۇڭ، دېدى ئەزىز جىددىيلىشىپ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تايانماق، يۆلىنىۋالماق؛ ئارتىلماق:[مىسال:] ئۇلار قاچانغىچە ھاپاش بولىدىكەن بىزگە، ئۆزۈم بارىمەن، دېدى ئايال يولدىشىغا ۋارقىراپ.

ھاپاشلاتماق

  • ھاپاشلاتماق[يەشمىسى:] «ھاپاشلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھاپاشلىماق

  • ھاپاشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئادەمنى دۈمبىسىگە مىندۈرمەك، دۈمبىسىگە ئېلىپ كۆتۈرمەك، يۈدۈمەك:[مىسال:] شۇ ئەسنادا ئەپكەش كۆتۈرۈپ يېتىپ كەلگەن دىلشاد مېنى ھاپاشلىغىنىچە يېزا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ ماڭدى.

ھاپپا

  • ھاپپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شاپىلاق.

ھاپىتى-شاپىتى

  • ھاپىتى-شاپىتى[يەشمىسى:] «ھاپىتىغا شاپىتى»غا قاراڭ.

ھاپىتىغا شاپىتى

  • ھاپىتىغا شاپىتى[يەشمىسى:] خىل-خىلىغا؛ ئەسكىگە ئەسكى؛ ياخشىغا ياخشى:[مىسال:] ھاپىتىغا شاپىتى توڭرىلىققا مەرەزدا (ماقال).

ھاپىز

  • ھاپىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھۆكمەت ۋە قوشاقلارنى ئاھاڭلىق ئوقۇيدىغان كىشى:[مىسال:] ھاپىزلار باغنىڭ ئىچىنى يېرىۋەتكۈدەك ناخشا ئېيتىپ قىزىتقان پەيتتە، زەيتۇنىخان ئۇسسۇلغا چۈشتى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ھاپىزلىق

  • ھاپىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆكمەت ۋە قوشاقلارنى ئاھاڭلىق ئوقۇش پائالىيىتى:[مىسال:] ھاپىزلىق قىلماق.

ھاپىلا-شاپىلا

  • ھاپىلا-شاپىلا[يەشمىسى:] ئالدىراپ-تېنەپ، ياخشىراق ئويلانماستىن:[مىسال:] نەزەرمۇ ھاپىلا-شاپىلا بوۋاينىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى.

ھاتەم

  • ھاتەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] رىۋايەتلەردە سېخىيلىق، مەردلىك، قولى ئوچۇقلۇق بىلەن داڭ چىقارغان ئەپسانىۋى شەخس:[مىسال:] بۇ چۆچەك داستاندۇر، ئەپسانە ئەمەس، ئارماندا ئۇنى بىر ئىشتمىگەن ئادەم. بۇ چۆچەك گۈلباغدۇر، ۋەيرانە ئەمەس دەرماندا، سەيلىگە كەلمىگەن ھاتەم.

ھاجەت

  • ھاجەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كېرەكلىك، زۆرۈرلۈك، زۆرۈرىيەت، ئېھتىياج:[مىسال:] ھاجىتى يوق. ھاجەت ئەمەس.[يەشمىسى:] ② موھتاجلىق؛ تەلەپ:[مىسال:] ھاجىتىمىزغۇ كۆپ، ھازىرچە مۇنداق بىر ئىش بىلەن كېلىۋىدىم، دېدى ئايال ئىتتىك سىرتقا قاراپ قويۇپ قازىغا.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چوڭ-كىچىك تەرەت:[مىسال:] ھاجەت قىلماق. ھاجەتكە چىقماق. ھاجەتكە بارماق.

ھاجەت بولماق

  • ھاجەت بولماق[يەشمىسى:] ① زۆرۈر بولماق، زۆرۈرىيىتى بولماق:[مىسال:] ئۇستا ھاجىتى بولمىسىمۇ ئارقا-ئارقىدىن باش ئىشارىسى قىلاتتى.[يەشمىسى:] ② موھتاج بولماق:[مىسال:] ئۇ پۇلغا ھاجەت بولغاندا، دائىم پۇل جايلاپ بەردىم.

ھاجەت قىلماق

  • ھاجەت قىلماق[يەشمىسى:] چوڭ-كىچىك تەرەت قىلماق:[مىسال:] ئۇلار بىر ئارالغا كېلىپ ۋەيران بولغان بىنانىڭ ئىزىغا يېقىنلاشقاندا، قىز ھاجەت قىلىش ئۈچۈن چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

ھاجەتخانا

  • ھاجەتخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تەرەتخانا، خالا.

ھاجەتسىز

  • ھاجەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاجىتى، كېرىكى يوق، ئوشۇقچە:[مىسال:] زىياپەت باشلاندى. ھاراق ۋە قورۇمىلارنىڭ مول ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز.

ھاجەتلىك

  • ھاجەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاجىتى بار، كېرەكلىك، كېرەك بولىدىغان.

ھاجەتمەن

  • ھاجەتمەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجى بولغان، ھاجىتى چۈشكەن، بىرەر تەلىپى ياكى ئىلتىماسى بار ئادەم:[مىسال:] شۇنىڭدىن كېيىن لوقمان ھەرقانداق ھاجەتمەن كەلسە، خالىغانچە قەرز بېرىدىغان بوپتۇ.

ھاجەتمەنلىك

  • ھاجەتمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولۇش، ھاجىتى چۈشۈش:[مىسال:] ھاجەتمەنلىك بەزىدە كىشىنى قانچىلىك سارغايتىدۇ-ھە

ھاجى

  • ھاجى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەككە-مەدىنىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن ئادەم.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ھاجىپ

  • ھاجىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① ئىشىك باققۇچى، دەرۋازىۋەن.[يەشمىسى:] ② ئوردىنىڭ كاتىپى:[مىسال:] ئىلىك ھاجىپ بۇ مەسلىھەتنى سۇتۇق بۇغراخانغا يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ پىكرىنى ئالماقچى بولدى.

ھاجىلىق

  • ھاجىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەج قىلىپ ھاجى بولۇش:[مىسال:] ھاجىلىق مەرتىۋىسىگە ئىرىشكەن ئادەم. يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك، ھاجىلىققا ھەرەم (ماقال).

ھادىرۇسكۇن

  • ھادىرۇسكۇن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قالايمىقان، پاتىپاراق.

ھادىرۇسكۇنچىلىق

  • ھادىرۇسكۇنچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قالايمىقانچىلىق، پاتىپاراقچىلىق.

ھادىس

  • ھادىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاجايىپ، ناھايىتى، ئىنتايىن:[مىسال:] ھادىس ئوبدان ئىش بولدى، دېدى قادىر ئايشەمگە چاقچاق قىلىپ.

ھادىسە

  • ھادىسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تەبىئەتتە، ئىجتىمائىي ھاياتتا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىش:[مىسال:] تەبىئىي ھادىسە. ئىجتىمائىي ھادىسە.[يەشمىسى:] ② تەبىئەتتە، ئىجتىمائىي ھاياتتا، تۇرمۇشتا يۈز بېرىدىغان زىيانلىق ھەم تاسادىپىي ۋەقە، كېلىشمەسلىك:[مىسال:] ھادىسىگە ئۇچرىماق. قاتناش ھادىسىسى. ماشىنا ھادىسىسى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] پەلسەپىدىكى بىر كاتېگورىيە، ئۇ شەيئىلەرنىڭ تاشقى باغلىنىشى بولۇپ، ماھىيەتنى ئىپادىلەيدۇ، كىشىلەر شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى، ھادىسىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاندىن بىلەلەيدۇ:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاققا باھا بېرىش سەۋىيىسىنى ھادىسىدىن ماھىيەتكە، ئۆزگىدىن ئۆزگە، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ئەتراپلىق بولۇشقا قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم.

ھادىسىشۇناس

  • ھادىسىشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھادىسىشۇناسلىق تەرەپدارى، ھادىسىشۇناسلىق نەزەرىيىسىنى تەرغىب-تەشەببۇس قىلغۇچى.

ھادىسىشۇناسلىق

  • ھادىسىشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ① گېگېل پەلسەپىسىدىكى ئىنسانلار ئېڭىنىڭ بىۋاسىتە ھېسسىي سەزگۈدىن «مۇتلەق بىلىم» گىچە بولغان تارىخىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىدېئالىستىك تۈردە بۇرمىلانغان چۈشەنچە.[يەشمىسى:] ② نېمىس پەيلاسوپى ھوسسەر (1859 — 1938) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ھەمدە جاھانگىرلىك دەۋرىدە بۇرژۇئا پەلسەپىسىدە كەڭ تارقالغان بىر خىل ئەكسىيەتچىل سۇبيېكتىپ ئىدېئالىستىك نەزەرىيە.

ھار

  • ھار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيات، نومۇس:[مىسال:] ھار ئالماق. ھار كەلمەك.

ھار ئالماق

  • ھار ئالماق[يەشمىسى:] ئۇيات. نومۇس دەپ بىلمەك:[مىسال:] ئېغىر كەلمەك. ئازابلىق تۇيۇلماق:[مىسال:] ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى بەك ھار ئالدى.

ھار كەلمەك

  • ھار كەلمەك[يەشمىسى:] ئۇيات، نومۇس بىلىنمەك؛ ئېغىر كەلمەك، ئازابلانماق:[مىسال:] ئۇ كىشىنىڭ قىلىقلىرى ئۇنىڭغا تولىمۇ ھار كەلگەنىدى.

ھارارەت

  • ھارارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئىسسىقلىق، تەپت:[مىسال:] ئوتنىڭ ھارارىتى. قۇياشنىڭ ھارارىتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر جىسىمنىڭ، ماددىنىڭ قىزىش ياكى ئىسسىتىلىش دەرىجىسى؛ تېمپېراتۇرىسى:[مىسال:] ئۆينىڭ ھارارىتى 83℃ تىن ئاشماسلىقى كېرەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھېسسىي تەپت؛ لەززەت؛ ئىللىقلىق:[مىسال:] قىزنىڭ پاك يۈرىكىدە بىر خىل ئوتلۇق ھارارەت پەيدا بولدى.

ھارارەتسىز

  • ھارارەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھارارىتى، قىزىقى، ئىسسىقى، تەپتى يوق؛ سوغۇق:[مىسال:] بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قۇياش يۇلتۇزغا ئوخشاش ھارارەتسىز ئىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېقىمسىز؛ سوغۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ مىجەزىدىكى بەزى ئالامەتلەر كىشىلەرگە بىر خىل ھارارەتسىز تۇيغۇ بېغىشلايتتى.

ھارارەتلىك

  • ھارارەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھارارىتى، تەپتى بار؛ ئىسسىق، قىزىق:[مىسال:] ئەنە شۇ شەپەقنىڭ ئەكسىدە، ئەتە يەنە قايتىپ كەلمەكچى بولغان ھارارەتلىك قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىسسىق، ئىللىق، يېقىملىق:[مىسال:] تومۇرلىرىدا ياشلىقنىڭ ئوتتەك قىزىق قېنى قايتاپ تۇرغان ھارارەتلىك ئىككى قول بىر-بىرىگە جۈپلەشتى.

ھاراقⅠ

  • ھاراقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاشلىق، يەل-يېمىش قاتارلىقلارنى ئېچىتىش ئارقىلىق ياسىلىدىغان، كەيپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يۇقىرى گرادۇسلۇق ئىچىملىك.

ھاراقⅡ

  • ھاراقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] جەگىنىڭ تېگىگە تام بويلاپ قويۇلىدىغان ياغاچ.

ھاراقخور

  • ھاراقخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «ھاراقكەش»كە قاراڭ:[مىسال:] بۇ ھاراقخورنى ئىككىنچى ئۆيگە دەسسەتمەيمەن.

ھاراقخورلۇق

  • ھاراقخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ھاراقكەشلىك»كە قاراڭ:[مىسال:] ھاراقخورلۇق قىلماق.

ھاراق-شاراب

  • ھاراق-شاراب[يەشمىسى:] ھاراق ۋە شاراب، ھاراق تىپىدىكى مەست قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىچىملىكلەر:[مىسال:] ھاراق-شاراب ئىچمەك، ھاراق-شارابقا بېرىلمەك.

ھاراقكەش

  • ھاراقكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھاراق ئىچىشنى ئادەت قىلغان، دائىم ھاراق ئىچىدىغان، ھاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان، ھاراقخۇمار ئادەم:[مىسال:] بۇ ھاراقكەشنى نەدىن تېپىۋالدىڭ، دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئانىسى.

ھاراقكەشلىك

  • ھاراقكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاراققا بېرىلىش ئادىتى، ھاراق ئىچمىسە تۇرالماسلىق:[مىسال:] بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى ئىلگىرىكى زامانلاردىلا ھاراقكەشلىكنىڭ زىيىنىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۇنى قاتتىق چەكلىگەن.

ھارام

  • ھارام[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، شەرىئەتتە يېيىش-ئىچىش چەكلەنگەن، ھالال ئەمەس:[مىسال:] غالجىر خۇدانى بىلمەس، ئىت ھارامنى (ماقال).[يەشمىسى:] ② نورمال، ئېھتىياجلىق بولمىغان، زۆرۈرىيىتى، كېرىكى يوق:[مىسال:] ھارام شاخ. ھارام پۇتاق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ «نىكاھسىز، قانۇنسىز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھارامدىن تۇغۇلغان.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باشقىلارنى ئالداش ئارقىلىق قولغا كىرگۈزۈلگەن، مېھنەت سىڭدۈرۈلمىگەن:[مىسال:] ھارام مال. ھارام پۇل. ھارام ئوقەت.

ھارام بولماق

  • ھارام بولماق[يەشمىسى:] ① يېگىلى، ئىچكىلى بولمايدىغان بولۇپ قالماق، ھارام قاتارىغا ئۆتمەك:[مىسال:] قوي ھارام بولدى.[يەشمىسى:] ② بىكارغا كەتمەك، يوققا چىقماق، نېسىپ بولماسلىق:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، بىزگە ئۈچ كۈنلۈك ھېيت ھارام بولدى.[يەشمىسى:] ③ يىرگىنچلىك، ئازابلىق تۇيۇلماق:[مىسال:] ئاكىلار مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىپسىلەر، بۇ شەھەر ئەمدى بىزگە ھارام بوپتۇ، بۇ يەرنى تاشلاپ باشقا يەرگە كېتەيلى، دەپتۇ كەنجى ئوغۇل.

ھارام تاماق

  • ھارام تاماق[يەشمىسى:] ئىشلىمەي، تەر تۆكمەي، باشقىلارنىڭ ئەمگىكى ھېسابىغا ياشايدىغان؛ تىرىكتاپ، تەييارتاپ:[مىسال:] ھارام تاماق ئادەم.

ھارام تاماقلىق

  • ھارام تاماقلىق[يەشمىسى:] ئەمگەكسىز. ئەجىرسىز، بىكارنى يەپ يېتىش، باشقىلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە ياشاش ئادىتى:[مىسال:] بىز ھازىرقى كۈندە «داش قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش»نى، «توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلايدىغان»ھارام تاماقلىقنى تۈگەتتۇق.

ھارام قىلماق

  • ھارام قىلماق[يەشمىسى:] ① يېگىلى، ئىچكىلى بولمايدىغان قىلىپ قويماق:[مىسال:] بوغۇزلاپ قويايلى دېسەم ئۇنىماي كالىنى ھارام قىلدىڭ، دېدى ئاكام دادامغا، [يەشمىسى:] ② ئىسراپ قىلماق، يوق قىلماق، بىكار قىلماق:[مىسال:] ئۇ بۇ كۈننى ھارام قىلىشتىن قورقىدۇ ۋە ئۇنى كۆڭۈللۈك بايرام دەپ بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ يىرگىنچلىك، ئازابلىق نەرسىگە ئايلاندۇرماق:[مىسال:] سەن بۇ ئىشلىرىڭ بىلەن بۇ شەھەرنى ماڭا ھارام قىلدىڭ، بۈگۈنلا كۆچۈپ كېتىمەن.

ھارام كەتمەك

  • ھارام كەتمەك[يەشمىسى:] ① ئىسراپ بولۇپ كەتمەك، بىكار كەتمەك، زايە بولماق:[مىسال:] بۇنى ئاڭلىغان ئىككى ئاكىسى:[مىسال:] ساڭا بەرگەن تاماقمۇ ھارام كېتىپتۇ، دەپ ئۇكىسىنى تازا ئۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② ناھەق، بىئەجەل ئۆلۈپ كەتمەك:[مىسال:] ئەگەر ياقۇپجان بارمىسا، ئۇ ھارام كېتىپ قالاتتى.

ھارامزادە

  • ھارامزادە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزئارا نىكاھ قىلىنمىغان ئەر ۋە ئايالدىن تۇغۇلغان بالا:[مىسال:] مەيمۇنە جىن قىز شەمھۇرەش ئوغلى دەھنەش دېۋىگە قاراپ:[مىسال:] «پەس ھارامزادىلەرنىڭ ئىپلاس نەسلى» دەپ تىل ساپتۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇۋ، ھىيلىگەر، مەككار، ئالدامچى:[مىسال:] خوجايىنىمىز ئۆتۈپ كەتكەن مۇتتەھەم، ھارامزادە ئادەم ئىكەن.

ھارامزادىلەشمەك

  • ھارامزادىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھارامزادىگە ئايلانماق، قۇۋ، ھىيلىگەر بولماق:[مىسال:] ئۇلار ھارامزادىلىشىپ كەتتى.

ھارامزادىلىك

  • ھارامزادىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھارامزادىلەرگە خاس قىلىق:[مىسال:] ھارامزادىلىك قىلماق. * بېدىك ھارامزادىلىك بىلەن كۈلۈپ كەتتى.

ھارامسۈيدۈك

  • ھارامسۈيدۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ھارام+سۈيدۈك[[يەشمىسى:] «نىكاھسىز تۇغۇلغان، ھارامدىن بولغان» دېگەن مەنىدىكى ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] سەندەك ھارامسۈيدۈك مەندەك ئاكاڭ قارىغاينى تونۇمايدىغان ئوخشىمامسەن دەپ توۋلىدى ئالتۇن چىش مەيدىسىگە ئۇرۇپ.

ھاراملىق

  • ھاراملىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھارىمى، [يەشمىسى:] ھارامدىن بولغان:[مىسال:] بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ھاراملىق دىلىڭنى رەنجىتكىدەك بوپتۇ-دە.

ھاراملىققا يوق

  • ھاراملىققا يوق[يەشمىسى:] پەقەت يوق، زادى يوق.

ھارپا

  • ھارپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] رامزان ياكى ھېيتنىڭ ئالدىنقى كۈنى:[مىسال:] ھارپا ئاخشىمى.[يەشمىسى:] ② بايرام ياكى بىرەر تەنتەنىلىك كۈندىن ئالدىنقى كۈن:[مىسال:] بايرام ھارپىسى. يېڭى يىل ھارپىسى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ۋەقەدىن ئالدىنقى ۋاقىت:[مىسال:] ئۇ شىنجاڭ ئازاد بولۇش ھارپىسىدا شىنجاڭغا كەلگەن.

ھاردۇق

  • ھاردۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① مېھنەت قىلىپ چارچىغانلىق، تالغانلىق، ھارغىنلىق، ھېرىش:[مىسال:] ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش ھاردۇقنى چىقىرىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئىشتىن توختاپ ئارام ئېلىش، دەم ئېلىش:[مىسال:] ھاردۇق چىقارماق. ھاردۇق ئالماق.

ھاردۇق چېيى

  • ھاردۇق چېيى[يەشمىسى:] توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغقا ئوخشاش ھەشەمىتى جىقراق بىرەر ئىش ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە دوست-يار، بۇرادەرلىرى ياكى قولۇم-قوشنىلار تەرىپىدىن ياكى مۇشۇنداق ئىشلارغا قاراشقانلارغا ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان چاي، زىياپەت:[مىسال:] ھاردۇق چېيى بەرمەك.

ھاردۇق سورىماق

  • ھاردۇق سورىماق[يەشمىسى:] سەپەردىن كەلگەن ياكى ئېغىر ئىشلارنى قىلغانلاردىن ئەھۋال سورىماق:[مىسال:] ئۇ ئىتتىك كېلىپ بىزدىن ھاردۇق سورىدى.

ھاردۇق ئېشى

  • ھاردۇق ئېشى[يەشمىسى:] سەپەردىن كەلگەن ياكى ئەمگەك قىلىپ چارچىغانلاردىن ھال-ئەھۋال سوراپ ئېتىلىدىغان ئاش.

ھاردۇققا چىقماق

  • ھاردۇققا چىقماق[يەشمىسى:] ① دەم ئېلىشقا، تەنەپپۇسقا چىقماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] پېنسىيىگە، ئارامغا چىقماق:[مىسال:] بۈگۈن بىرنەچچە ياشانغان كادىرلار ھاردۇققا چىقتى.

ھاردۇقى چىقماق

  • ھاردۇقى چىقماق[يەشمىسى:] ① ھارغىنلىقى. چارچىغانلىقى تۈگىمەك، يوقىماق:[مىسال:] جەڭ ھاردۇقى چىقتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر تەشۋىشلىك ئىشتىن قۇتۇلۇپ يەڭگىللەپ قالماق، كۆڭلى جايىغا چۈشمەك، خاتىرجەم بولماق:[مىسال:] شۇ تاپتا ھەسەن يېزىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ھاردۇقى چىققاندەك بولدى.

ھارسىز

  • ھارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] نومۇسسىز، ئۇياتسىز.

ھارسىزلىق

  • ھارسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نومۇسسىزلىق، ئۇياتسىزلىق، قېلىنلىق.

ھارسىنماق

  • ھارسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھار ئالماق، نومۇس قىلماق، ئۇيات دەپ ھېس قىلماق، ئۇياتماق.

ھارغۇزماق

  • ھارغۇزماق[يەشمىسى:] «ھارماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئابىدەم، بۇ لېپەكسىز سېنى ھارغۇزۇپ قويمىسۇن، بىر قولىنى مەن تۇتۇۋالاي، دېدى بۇغراجان.

ھارغۇزۇشماق

  • ھارغۇزۇشماق[يەشمىسى:] «ھارغۇزماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھارغىن

  • ھارغىن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھارغان، چارچىغان، تالغان:[مىسال:] قادىرئاخۇن يوغان ھارغىن كۆزلىرىنى رىشىتكە تىكىپ، ساقاللىرىنى سىلىغىنىچە سۆزلىدى.

ھارغىنلىق

  • ھارغىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھارغىن ھالەت، ھارغان كەيپىيات:[مىسال:] ئۇ ئۇزۇن سۆزلەپ بىرئاز ھارغىنلىق ھېس قىلدى بولغاي، قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

ھارماس

  • ھارماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھارمايدىغان، چارچىمايدىغان؛ كۈچ-قۇۋۋىتى كۆپ، غەيرەتلىك:[مىسال:] ھارماس يىگىت. ھارماس ئايال.

ھارماق

  • ھارماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلىپ ياكى يول يۈرۈپ چارچىماق، ھارغىنلىق يەتمەك:[مىسال:] يول يۈرگەندە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا ئايالىڭ ئۆلمىسۇن (ماقال).

ھارماي-تالماي

  • ھارماي-تالماي[يەشمىسى:] ھاردىم-تالدىم دېمەي، ھارغانلىقىنى، چارچىغانلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا:[مىسال:] مەن ھارماي-تالماي خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە تېخىمۇ-ئاپىرىن ئوقۇيمەن.

ھاروت

  • ھاروت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەپسانىلەردىكى بارلىق تېخنىكىنى بىلىدىغان پەرىشتە:[مىسال:] بولۇپ ھاروت بىلەن ماروت، قۇرۇلدى خىلمۇخىل زاۋۇت، توقۇلغاچ رەڭمۇرەڭ بەرقۇت، كىيىپ ئەل ئوينىشار بولدى.

ھارۋا

  • ھارۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىككى، ئۈچ ياكى تۆت چاق ئورنىتىلغان ئۆي ھايۋانلىرى قېتىلىدىغان ۋە ياكى ئادەم سۆرەيدىغان ئاددىي قاتناش ۋاسىتىسى.

ھارۋىدا توشقان ئوۋلىماق

  • ھارۋىدا توشقان ئوۋلىماق[يەشمىسى:] سەۋر قىلىپ تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىر بىلەن قولغا چۈشۈرمەك:[مىسال:] نىجاتنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىغا كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ھارۋىدا توشقان ئوۋلىغىلى چىقتى.

ھارۋىكەش

  • ھارۋىكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھارۋا ھەيدىگۈچى ياكى سورىگۈچى كىشى:[مىسال:] ھارۋىكەش بالىلار سابىرنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋېلىپ، قىزغىن ھال-ئەھۋال سوراشتى.

ھارۋىكەشلىك

  • ھارۋىكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھارۋا ھەيدەش ياكى سۆرەش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىش، ھارۋا ھەيدەش:[مىسال:] سودىگەرچىلىك قىلغاندا ھارۋىكەشلىك قىلىش ھالال ئىش.

ھارۋىلىق

  • ھارۋىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھارۋىسى بار، ھارۋىغا ئىگە:[مىسال:] مانا ھازىر ئۇ ئىككى ھارۋىلىق بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھارۋىغا چىقىپ، ھارۋىدا ئولتۇرۇپ، ھارۋا بىلەن:[مىسال:] بىر توپ كىشىلەر ئاتلىق، ھارۋىلىق ۋە بەزىدە قوراللىق كېلىپ خاماننى پاك-پاكىز قۇرۇقداپ كېتەتتى.

ھارۋىنى قۇرۇق ئېلىپ قاچماق

  • ھارۋىنى قۇرۇق ئېلىپ قاچماق[يەشمىسى:] قولىدىن كەلمىسىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلدىم دەپ لاپ ئۇرماق؛ ئاغزىدا شەھەر ئالماق:[مىسال:] جېنىم، دېدى كۆكۈيۈن بىرئاز جىم تۇرغاندىن كېيىن، سەن شۇنداق ھارۋىنى قۇرۇق ئېلىپ قېچىۋېرىسەن.

ھارىمى

  • ھارىمى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نىكاھسىز تۇغۇلغان، دادىسى نامەلۇم، ھارامدىن بولغان:[مىسال:] ھوي غولام دېگەن ھارىمى، قېنى سەن بۇ زادى نېمە ئىش دەپ سوراپتۇ باي.

ھازاⅠ

  • ھازاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادەم ئۈچۈن قىلىنغان يىغا؛ يىغا-زار:[مىسال:] ھازا ئاچماق.[يەشمىسى:] ② ماتەم، تەزىيە:[مىسال:] ھازا تۇتماق.

ھازا ئېشى

  • ھازا ئېشى[يەشمىسى:] باشقىلار مۇسىبەتتە بولغۇچىلارنى چاقىرىپ بېرىدىغان ياكى ھازا بولغان ئائىلىگە ئېلىپ بارىدىغان غىزا.

ھازاⅡ

  • ھازاⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم ۋاقىت، پەيت، مەزگىل(ئاساسەن «بىر» سۆزى بىلەن بىللە كېلىپ بىرىككەن سۆز ياسايدۇ):[مىسال:] يالماۋۇز خوتۇن تەرىنى پۈرلەشتۈرگەن ھالدا، سېخىي كۆزلىرى بىلەن بىرھازاغىچە قاراپ تۇرۇپتۇ.

ھازىچى

  • ھازىچى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆلۈم بولغان ئۆيدە ھازا ئاچقۇچى، ھازا قىلغۇچى:[مىسال:] ھازىچى خوتۇنلار يىغىدىن توختىدى.

ھازىدار

  • ھازىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] يېقىن ئادىمىنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان، ئۇنىڭغا ھازا تۇتۇۋاتقان، قارىسىنى ئوشتۇمىغان ئادەم:[مىسال:] ھازىدار بولماق.

ھازىدارلىق

  • ھازىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەرسىگە ھازا تۇتۇۋاتقان ھالەت، كەيپىيات، ھازىدار بولغانلىق:[مىسال:] ئانا ئۆز ئاۋۇلىغا ئېغىر ھازىدارلىق بىلەن قايتىپ كەلدى.

ھازىر

  • ھازىر[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىشكە تەييار:[مىسال:] مانا، مەن ھازىر[يەشمىسى:] ② پەيدا، مەۋجۇت، بار:[مىسال:] شۇ كۈنى قارلىغاچ ۋىچىرلىغاندا ئوردىدا مەنمۇ ھازىر ئىدىم.[يەشمىسى:] ③ نۇتۇق سۆزلىنىپ تۇرغان پەيتنىڭ ئۆزىدە، شۇ ئان، شۇ مەزگىل:[مىسال:] ئۇ ھازىرلا قوشچىلارنىڭ قېشىغا بېرىشى كېرەك ئىدى.[يەشمىسى:] ④ نۇتۇق سۆزلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتىن سەل بۇرۇن، ئالدىن؛ يېقىندا:[مىسال:] بۇ ئىشنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە ھازىر بىر يىل بولدى.[يەشمىسى:] ⑤ نۇتۇق سۆزلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتىن سەل كېيىن:[مىسال:] مەن ھازىرلا قايتىپ كېلىمەن.[يەشمىسى:] ⑥ مۇشۇ كۈنلەردە، مۇشۇ ۋاقىتلاردا:[مىسال:] ھازىر جاھاننىڭ ئوڭ-تەتۈرىنى بىلگىلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

ھازىرەن

  • ھازىرەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھازىر، ھازىرلىققا.

ھازىرەنلىك

  • ھازىرەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ھازىرەنلىككە»گە قاراڭ:[مىسال:] دېمەك بۇ خەت ئىچىدە غەيرىي سىر بار، بولۇر باپ ئاخىرىدا بىزگە ئاشكارا... كۆچەيلى ھازىرەنلىك باشقا گەپكە، نەزەرباغدىن ئۇدۇل يارباغ تەرەپكە.

ھازىرەنلىككە

  • ھازىرەنلىككە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھازىرچە، ۋاقتىنچە:[مىسال:] شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرەنلىككە تۆمۈرنىڭ بىر قىسىم مەتلۇبلىرىنى قاندۇرۇپ، يولۋاسنى يۇمشاق گەپلەر بىلەن قەپەسكە سولاپ ئېلىشىمغا مەدەتكار بولۇشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.

ھازىرجاۋاب

  • ھازىرجاۋاب[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ھازىر+جاۋاب[[يەشمىسى:] قويۇلغان سوئالغا كۆپ ئويلانماستىن دەررۇ جاۋاب بېرەلەيدىغان، كېرەكلىك گەپ-سۆزنى تىز تاپالايدىغان تەپەككۇر قابىلىيىتى كۈچلۈك بولغان:[مىسال:] ھازىرجاۋاب ئادەم.

ھازىرجاۋابلىق

  • ھازىرجاۋابلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھازىر جاۋاب كىشىلەرگە خاس ئىقتىدار ياكى ئادەت، خاراكتېر:[مىسال:] شائىر ھازىرجاۋابلىق بىلەن دەرھاللا جاۋاب قايتۇردى.

ھازىرچە

  • ھازىرچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرئاز ۋاقىت، مەلۇم ۋاقىتقا قەدەر؛ ۋاقتىنچە:[مىسال:] ساقچىلار بۇ ياققا ھازىرچە زورلۇق بىلەن باستۇرۇپ كىرىشكە پېتىنالمىغانىدى.ھ

:

  • :[مىسال:] ئۇ ئىتتىك كېلىپ بىزدىن ھاردۇق سورىدى ئائىت، مۇشۇ ۋاقىتتىكى، مۇشۇ زامان، مۇشۇ كۈنلەردىكى:[مىسال:] ئەكبەر گەپنى بىرىنچى ئەترەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مىسالغا ئېلىپ سېلىشتىن باشلىدى.

ھازىرقى زامان

  • ھازىرقى زامان[يەشمىسى:] ① ھازىر بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان دەۋر. دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈشتە، كۆپىنچە 4-ماي ھەرىكىتىدىن تا ھازىرغىچە بولغان دەۋر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] پېئىللاردا ئىپادىلىنىدىغان زامان شەكللىرىدىن بىرى. ئۇ پېئىل ئىپادىلىگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ سۆزلەنگەن ۋاقىتتا ئورۇندىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھازىرلاتماق

  • ھازىرلاتماق[يەشمىسى:] «ھازىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تەبرىكلەش يىغىنىدىن كېيىن قۇبلەيخان زىياپەت ھازىرلىتىپ ئۇلارنى يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجە بويىچە رېتى بىلەن ئولتۇرغۇزدى.

ھازىرلاشماق

  • ھازىرلاشماق[يەشمىسى:] «ھازىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار سوۋغات ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھازىرلاشتى.

ھازىرلانماق

  • ھازىرلانماق[يەشمىسى:] ① «ھازىرلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى:[مىسال:] مەن تەسىرلىك بىر مەنزىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشقا ھازىرلاندىم.[يەشمىسى:] ② «ھازىرلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] قىزلار بوغالتىرنىڭ ئارقىسىدىن ئۆزلىرىگە ھازىرلانغان ياتاققا كىرىشتى.

ھازىرلىق

  • ھازىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «تەييارلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] لوقماننىڭ ئوغلى يول ھازىرلىقىنى قىلىپ بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ.

ھازىرلىقسىز

  • ھازىرلىقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «تەييارلىقسىز»غا قاراڭ:[مىسال:] ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ ھازىرلىقسىز پەيتىمىزدىن پايدىلىنىپ تېگىش قىلسا، قانداق تاقابىل تۇرالايمىز دېدى باش سەركەردە.

ھازىرلىققا

  • ھازىرلىققا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھازىرچە، دەرمەھەللىككە:[مىسال:] ھازىرلىققا يېتەر، كېيىن نېمە بولىدۇ، بىرنەرسە دېيىش قىيىن.

ھازىرلىماق

  • ھازىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى بېجىرىشكە شارائىت، مۇھىت ياراتماق، تەييارلىماق:[مىسال:] چىمەنگۈل ئالدىراشلىق بىلەن بىزگە چاي ھازىرلىدى.

ھازىلىق

  • ھازىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھازا تۇتقاندا كىيىلىدىغان، ھازىدارلىقنى بىلدۈرىدىغان:[مىسال:] ھازىلىق كىيىم.[يەشمىسى:] ② ھازا تۇتقان:[مىسال:] ھازىلىق ئادەم.

ھاسا

  • ھاسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قولدا تۇتۇپ يەرگە تىرەپ، تايىنىپ مېڭىش ئۈچۈن ياسالغان بىر خىل ئۇزۇن سايمان:[مىسال:] ھاسىغا چۈشمەك. * قارىغۇ ھاسىسىنى بىر قېتىم يوقىتار (ماقال).

ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ

  • ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ[يەشمىسى:] ھاسىراپ ۋە ھۆمۈدەپ ئالدىراپ-تېنەپ:[مىسال:] شاھزادە تۇغلۇق ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ مەيدانغا كىرىپ كەپتۇ.

ھاسىراتماق

  • ھاسىراتماق[يەشمىسى:] «ھاسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن سىزنى ھاسىرىتىپ قويدۇم-ھە، دېدىم تاغامغا قاراپ ئەپۇ سورىغاندەك تەلەپپۇزدا.

ھاسىراشماق

  • ھاسىراشماق[يەشمىسى:] «ھاسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] توخۇلار ئىسسىقتىن ھاسىرىشىپ چەتتىكى بۇلۇڭغا يىغىلىۋالغانىدى.

ھاسىرىماق

  • ھاسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئېغىر ئەمگەك ياكى چارچاشتىن كېيىن، نەپەس تېزلىشىپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇ ئازراق ئېسىگە كېلىپ، قوشتىن چىقارغان كالىدەك ئۇزۇنغىچە ھاسىرىدى.

ھاسىل

  • ھاسىل[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پەيدا، مەۋجۇت:[مىسال:] ھاسىل بولماق. ھاسىل قىلماق.

ھاسىلات

  • ھاسىلات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھاسىل بولغان، پەيدا بولغان نەرسە، مۆجىزە، نەتىجە:[مىسال:] نەتىجە-ھاسىلات زالىم ھۆكۈمەتنىڭ نامەردلىك بىلەن باستۇرۇشى، دېھقانلارنىڭ قايتا تالان-تاراج، سەرسان ۋە قۇل قىلىنىشى بىلەن يەكۈنلىنىپ قالدى.

ھاسىلە

  • ھاسىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] فۇنكسىيىنىڭ ئۆزگىرىش تېزلىكىنى ئىپادىلىگۈچى ئاساسىي چۈشەنچە.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئاددىيراق بىرىكمىلەردىكى ئاتوم ياكى ئاتوملار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئالماشقاندىن كېيىن ھاسىل بولغان نىسبەتەن مۇرەككەپ بىرىكمە.

ھاسىلكالام

  • ھاسىلكالام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] گەپنىڭ، سۆزنىڭ قىسقىسى، خۇلاسىسى، يەكۈنى:[مىسال:] كاتتا جايلاردا ئوقۇغان، باشقا يوغان سەللە قونغان، ئاخۇنلۇق دەرىجە قوشۇلغان، ھاسىلكالام، بىرەر ھەقىقەت سۆزلەش ئۈچۈن يارىمىغان ئوقۇش بىلەن يوغان دەستۇرنىڭ نېمە خاسىيىتى

ھاسىلىق

  • ھاسىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاسا تۇتقان، ھاسا تايانغان:[مىسال:] ھاسىلىق ئادەم.

ھاسىلىي

  • ھاسىلىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت ياكى نەرسىدىن ھاسىل بولغان، ھاسىل قىلىنغان، ۋۇجۇدقا چىققان:[مىسال:] ماددا بىرلەمچى، چۈنكى ئۇ تۇيغۇ تەسەۋۋۇر ۋە ئاڭنىڭ مەنبەسى؛ ئاڭ ئىككىلەمچى ھاسىلىي نەرسە، چۈنكى ئۇ ماددىنىڭ ئىنكاسى. مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنكاسى.

ھاشار

  • ھاشار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھۆكۈمەت ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ھەقسىز ئىشلەپ بېرىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك:[مىسال:] ھاشارغا بارماق. ھاشار سالماق.

ھاشارات

  • ھاشارات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ بىر كلاسى. ئۇلارنىڭ تېنى باش، كۆكرەك ۋە قورساقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. كۆكرەك قىسمىدا ئۈچ جۈپ پۇتى، ئىككى ياكى بىر جۈپ قانىتى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ قانىتى بولمايدۇ؛ قورساق قىسمىدا بوغۇملىرى ئىككى يېنىدا ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ، بۇ نەپەسلىنىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى ھاشاراتلار تۇخۇم لېچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن تەندىن ئىبارەت تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى، پاشا، چىۋىن، بۈرگە، چېكەتكە ۋە كۆكپىت قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

ھاشاراتخور

  • ھاشاراتخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاشارات يەيدىغان، ھاشارات يېيىشكە ئادەتلەنگەن:[مىسال:] ھاشاراتخور ئۆسۈملۈكلەر.

ھاشاراتخورلۇق

  • ھاشاراتخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاشارات يېيىش ئادىتى، خۇسۇسىيىتى.

ھاشاراتشۇناس

  • ھاشاراتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاشارات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس.

ھاشاراتشۇناسلىق

  • ھاشاراتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاشاراتلارنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان پەن.

ھاشارچى

  • ھاشارچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۈستىگە ھاشار مەجبۇرىيىتى چۈشكەن، ھاشارغا قاتناشقۇچى كىشى:[مىسال:] گومىنداڭچىلار يەنە تۇزئاۋات، قوغان، بوزدۆڭلەرگىمۇ ھاشارچىلارنى ئاپىرىپ چوڭ-چوڭ پوتەيلەرنى ياساتقۇزدى.

ھاشىيە

  • ھاشىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] كىتاب، دەپتەر ۋاراقلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خەت يېزىلمىغان ئاق جايلار:[مىسال:] قەدىمكى زاماندا كىتابلار ھاشىيەسىگە ناھايىتى مۇھىم تەكىتلەش، پىكىر-مۇلاھىزىلەر، ئىزاھلار ھەتتا پۈتۈن ئەسەر يېزىلاتتى.

ھاقارەت

  • ھاقارەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① قوپال گەپ-سۆزلەر بىلەن باشقىلارنىڭ ئابرۇيىغا، ئىززەت-ھۆرمىتىگە تېگىش، سۆكۈش:[مىسال:] گۈلجەننەت بولسا ئەزىزنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق ھاقارەت چىقىشىنى زادىلا كۈتمىگەچكە، ئۆز ئېغىرلىقىنى يوقىتىپ، يىقىلاي-يىقىلاي دەپ قالدى.[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تېگىدىغان، كەمسىتىدىغان، كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان قوپال ۋە ئورۇنسىز گەپ؛ ئاھانەت:[مىسال:] ھاقارەت قىلماق. ھاقارەت كەلتۈرمەك.

ھاقارەتلەتمەك

  • ھاقارەتلەتمەك[يەشمىسى:] «ھاقارەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھاقارەتلەشمەك

  • ھاقارەتلەشمەك[يەشمىسى:] «ھاقارەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئاۋۇتنى شۇنداق سەت ھاقارەتلەشتىكى، ئەگەر ئاۋۇتتىن باشقا ئادەم بولغان بولسا ئاللىقاچان قولىغا پىچاق ئالغان بولاتتى.

ھاقارەتلەنمەك

  • ھاقارەتلەنمەك[يەشمىسى:] «ھاقارەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بەختسىز قىز بۇ پاسكىنىچىلىقلارغا پېتىپ، ھەممە تەرەپتىن ھاقارەتلىنىشكە باشلىدى.

ھاقارەتلىك

  • ھاقارەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاقارەت تۈسىنى ئالغان، خورلاش، كەمسىتىش چىقىپ تۇرغان:[مىسال:] ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى (ماقال).

ھاقارەتلىمەك

  • ھاقارەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يامان، قوپال، سەت گەپ-سۆزلەر بىلەن تىللىماق، ئاھانەت قىلماق، سۆكمەك:[مىسال:] شۇنچە قاتتىق ھاقارەتلىسىمۇ ھېچنېمە دېمەي تۇرغىنىنى قارىمامدىغان.[يەشمىسى:] ② ئەيىبلىمەك، كەمسىتمەك، خورلىماق:[مىسال:] ئەينى چاغدا سەن مېنى قۇلدەك ھاقارەتلىگەن

ھاقارەتنامە

  • ھاقارەتنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاقارەتلەپ يېزىلغان خەت:[مىسال:] فېئوداللىق سوتسىيالىزم ئەنە شۇنداق كېلىپ چىقتى، ئۇنىڭ يېرىمى ماتەم كۈيى، يېرىمى ھاقارەتنامە ئىدى.

ھاك

  • ھاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] نېئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى . CaO ئاق رەڭلىك، شەكىلسىز قاتتىق ماددا، ھاك تاش (CaC3)نى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. سۇغا يولۇقسا پارچىلىنىپ كېتىدۇ ۋە كالتىسىي گىدروكسىدغا ئۆزگىرىدۇ ھەم كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكى ۋە تازىلىق ئىشلىرىدا قۇرت، مىكروبلارنى ئۆلتۈرگۈچى قىلىنىدۇ.

ھاك تاش

  • ھاك تاش[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] چۆكۈندى جىنسلارنىڭ بىر خىلى. مۇھىم تەركىبى كالتىسىي كاربۇنات. تازا ھاك تاش ئاق رەڭلىك بولىدۇ، بىراق تەركىبىدە ھەر خىل ئارىلاشمىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل رەڭدە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئۇ مېتاللۇرگىيە سانائىتىدە، خىمىيە سانائىتىدە ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ.

ھاكاۋۇر

  • ھاكاۋۇر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، دىمىغى ئۈستۈن؛ مەنمەنچى. تەكەببۇر:[مىسال:] ھاكاۋۇر قىز. ھاكاۋۇر بالا.

ھاكاۋۇرانە

  • ھاكاۋۇرانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھاكاۋۇرلۇق بىلەن، كىبىر بىلەن، گىدىيىپ:[مىسال:] مىرزا ئېلى تاشقىرىدىن ھاكاۋۇرانە كىرىدۇ ۋە كېلىپ يۆلەنگۈچ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ، چاۋاك چالىدۇ.

ھاكاۋۇرلارچە

  • ھاكاۋۇرلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھاكاۋۇرلارغا ئوخشاش، ھاكاۋۇرلارنىڭ قىلىقىنى قىلىپ، ھاكاۋۇرلاردەك:[مىسال:] ئۇلار، سالامدىن سوڭرە، بارغان پېتى تۆردىن ئورۇن ئېلىپ ھاكاۋۇرلارچە ئولتۇردى.

ھاكاۋۇرلاشتۇرماق

  • ھاكاۋۇرلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ھاكاۋۇرلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كىچىككىنە پۇل ئۇنى بەكمۇ ھاكاۋۇرلاشتۇرۇۋەتتى.

ھاكاۋۇرلاشماق

  • ھاكاۋۇرلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھاكاۋۇرلارغا خاس مىجەز، قىلىق ۋە كىبىر پەيدا قىلماق، تەكەببۇرلاشماق:[مىسال:] ھاكاۋۇرلىشىپ كەتمەك.

ھاكاۋۇرلۇق

  • ھاكاۋۇرلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاكاۋۇرلارچە قىلىق، . مىجەز، كىبىر:[مىسال:] ھاكاۋۇرلۇق قىلماق.

ھاكچى

  • ھاكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاك پىشۇرۇپ ساتقۇچى كىشى:[مىسال:] ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەپتۇ (ماقال).

ھاكچىلىق

  • ھاكچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاك پىشۇرۇش ھەم سېتىش كەسپى، ئىشى:[مىسال:] ئىش تاپالماي ھاكچىلىق قىلىۋاتامسەن، ساتتار ئاكا دېدى ھاكىم قاقاھلاپ كۈلۈپ.

ھاكلاتماق

  • ھاكلاتماق[يەشمىسى:] «ھاكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يېزا بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆينى ھاۋا رەڭ سېنكا بىلەن ھاكلاتغان ئادەم پەقەت ئادىللا ئىدى.

ھاكلاشماق

  • ھاكلاشماق[يەشمىسى:] «ھاكلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئۆيلىرىنى ھاكلىشىپ ھېيتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشىۋاتاتتى.

ھاكلانماق

  • ھاكلانماق[يەشمىسى:] «ھاكلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئايۋان بىلەن پېشايۋاننىڭ تاملىرى ھاكلاندى.

ھاكلىق

  • ھاكلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ھاك بولغان، ئارىلاشتۇرۇلغان؛ ھاكتىن ياسالغان ھاكلىق سۇ. ھاكلىق توپا.

ھاكلىماق

  • ھاكلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئېرىتىلگەن ھاكنى چوتكا بىلەن سۈرتۈپ ياكى ناسوس ئارقىلىق پۈركۈپ، ئۆينىڭ تام-تورۇسلىرىنى ئارقارتماق.

ھاكىم

  • ھاكىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] ئورتا ئاسىيا تارىخىدا ئۆتكەن ھەمدە مەلۇم شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا تۇرۇپ، خان ئەمرىنى ئىجرا قىلىدىغان ئەمەلدار.[يەشمىسى:] ② ناھىيە باشلىقى:[مىسال:] بۇ كىشى ناھىيىمىزنىڭ ھاكىمى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ③ ھۆكۈمران، ئەمەلدار:[مىسال:] باشقا ئىشلاردا ئۇ بۇ يەرگە ھاكىم بولسىمۇ، لېكىن ھازىر شۇ مەيداندا نازارەتچى ئۇنىڭغا ھاكىم ئىدى.[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ھاكىمبەگ

  • ھاكىمبەگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھاكىم+بەگ[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ① بەگلەرنىڭ ئۈستىدىن نازارەت قىلغۇچى.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ھاكىملىق

  • ھاكىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھاكىمغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە، ئەمەل ۋە ئۇنى ئادا قىلىش:[مىسال:] ھاكىملىققا سايلانماق.[يەشمىسى:] ② ھاكىملارچە قىلىق، ئادەت، خاراكتېر:[مىسال:] ھاكىملىقىنى كۆرسەتمەك.

ھاكىممۇتلەق

  • ھاكىممۇتلەق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇستەبىت، ئىستىبدات:[مىسال:] قىساس ئوتى ئىنقىلابقا بولۇپ ھامىلىدار. پرولېتار يېڭىۋاشتىن كۈرەش باشلىدى. ئىنقىلابنىڭ يالقۇنى ھەر ياننى قاپلاپ، ھاكىممۇتلەق تەختىنى ئۆرتەپ تاشلىدى.

ھاكىممۇتلەقلىق

  • ھاكىممۇتلەقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇستەبىتلىك، ئىستىبداتلىق:[مىسال:] ھاكىممۇتلەقلىق قىلماق. ھاكىممۇتلەقلىق يۈرگۈزمەك.

ھاكىمىيەت

  • ھاكىمىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] دۆلەت ۋە ئۇنىڭ ئورگانلىرى؛ ھۆكۈمەت؛ سىياسىي ھۆكۈمرانلىق:[مىسال:] ھاكىمىيەت تىكلىمەك. ھاكىمىيەت قۇرماق.

ھاكىمىيەتلىك

  • ھاكىمىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاكىمىيەتتىن ئىبارەت بولغان، ھۆكۈمرانلارغا خاس:[مىسال:] ھەر خىل مەسئۇلىيەت تۈزۈملىرى يولغا قويۇلغان. جايلارغا يېزا ۋە كەنتلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەتلىك رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

ھاڭⅠ

  • ھاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① تۆت تەرىپى تىك، بەك تېرەن، چوڭقۇرلۇق:[مىسال:] شۇنچە چوڭ تاغنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن ھاڭنىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىردىن ئېشىپ چۈشەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆتۈش قىيىن بولغان توسالغۇ، توسۇق:[مىسال:] ئۇ ئىككىسىنىڭ مەنىۋى بىرىكىشى بۇرۇنقى ئىش، ھازىر ئوتتۇرىدا ھاڭ بار. قانداق چۈشەنگەن بىلەنمۇ ھاڭ بار.

ھاڭⅡ

  • ھاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] «ھاڭ قاتماق»قا قاراڭ.

ھاڭ قاتماق

  • ھاڭ قاتماق[يەشمىسى:] قاتتىق ھەيران قالماق، ئىنتايىن، تەئەجۈپلەنمەك، تاڭ قالماق:[مىسال:] خەلچەم تېخىچە ئاغزىنى ئاچقىنىچە ئۇ كىشىگە ھاڭ قېتىپ قاراپ تۇراتتى.

ھاڭ قالماق

  • ھاڭ قالماق[يەشمىسى:] «ھاڭ قاتماق»قا قاراڭ.

ھاڭⅢ

  • ھاڭⅢ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېشەكنىڭ ھاڭرىغان ۋاقتىدىكى چىقىدىغان ئاۋازى:[مىسال:] ئېشەكنىڭ تۇيۇقسىز... «ھاڭ» قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئارقامغا قارىدىم.

ھاڭ-تاڭ

  • ھاڭ-تاڭ[يەشمىسى:] «ھاڭ-تاڭ بولماق»قا قاراڭ.

ھاڭ-تاڭ بولماق

  • ھاڭ-تاڭ بولماق[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا ئەجەبلىنىپ ھەيران قالماق، ھاڭ قېتىپ قالماق:[مىسال:] ئۇلار بۇ مەنزىرىنى ھاڭ-تاڭ بولغان ھالدا كۆرۈشتى.

ھاڭ-تاڭلىق

  • ھاڭ-تاڭلىق[يەشمىسى:] ھەيرانلىق، تەئەججۈپلۈك:[مىسال:] ھاڭ-تاڭلىقتىن قولۇم توختاپ قېلىپتۇ.

ھاڭراتماق

  • ھاڭراتماق[يەشمىسى:] «ھاڭرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھاڭراشماق

  • ھاڭراشماق[يەشمىسى:] «ھاڭرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھاڭرىماق

  • ھاڭرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ھاڭ-ھاڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «ھاڭ-ھاڭ» قىلماق (ئېشەك ھەققىدە):[مىسال:] ئەمەتنىڭ ئېشىكى ھاڭراپ كەتتى.

ھاڭغۇت

  • ھاڭغۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋازنىڭ ئۇلاغ قوشىدىغان جايىنىڭ يالاڭ تەرىپى.

ھاڭغۇق

  • ھاڭغۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئۆكۈزنى قوشقا قاتقاندا بوينىغا سېلىنىدىغان بويۇنتۇرۇق.

ھاڭغىرقاي

  • ھاڭغىرقاي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئېچىلىپ قالغان، بەك ئوچۇق:[مىسال:] تىلماچ ئارقىمۇئارقا ئىككى مەرتەم ۋارقىرىغان بولسىمۇ، ھاڭغىرقاي تۇرغان دەرۋازىدىن ھېچكىم چىقمىدى.

ھاڭقايماق

  • ھاڭقايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھاڭ قېتىپ تۇرۇپ قالماق، ھەيران بولۇپ قالماق، تەئەجۈپلەنمەك.

ھاڭگا

  • ھاڭگا[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەركەك (ئېشەك ھەققىدە):[مىسال:] ھاڭگا ئېشەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەركەك ئېشەك:[مىسال:] ئۇ بازاردىن بۇ يىل ئەمدى تۆت چىشلىق بولغان بىر ھاڭگا سېتىۋالغانىدى.

ھاڭگا ئاياق

  • ھاڭگا ئاياق[يەشمىسى:] ھاڭگا تېرەكنىڭ ياغىچىدىن ئويۇپ ياسالغان ئاياق.

ھاڭگا تېرەك

  • ھاڭگا تېرەك[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تېرەكنىڭ بىر خىلى. يوپۇرمىقى تۆمۈنە ياكى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى سېرىق؛ ياغىچى ئاچ سېرىق ھەم قاتتىق كېلىدۇ. ئادەتتە ئويمىچىلىققا ماتېرىيال قىلىنىدۇ.

ھاڭگىت

  • ھاڭگىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. پەي تۈكلىرى بېغىر رەڭ، قورساق قىسمى ئاق، تۇمشۇقى ياپىلاق، پۇتلىرى قىسقا كېلىدۇ، بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ. سۇ بويلىرىدا توپلىشىپ ياشايدۇ، ئۇچقاندا رەتلىك سەپ ھاسىل قىلىدۇ. ئادەتتە ئۇ پەسىل قۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ھاڭگىز

  • ھاڭگىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئېگىز.

ھاڭ-ھاڭ

  • ھاڭ-ھاڭ[يەشمىسى:] «ھاڭⅢ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئېغىلدىكى ئېشەكنىڭ «ھاڭ-ھاڭ» قىلىشى خىيال يىپىمنى ئۈزۈۋەتتى.

ھاڭۋاقتى

  • ھاڭۋاقتى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھاڭ+باقتى[[يەشمىسى:] دائىم ھاڭۋېقىپ تۇرىدىغان بىپەرۋا ئادەم:[مىسال:] يۈز ئۇلاغ قۇرۇق ئوتۇننى ئۈندۈرۈش ئۈچۈن بىر-ئىككى ھاڭۋاقتىنىڭ كېلىشتۈرۈپ ئەدىپىنى بېرىپ قويغان تۈزۈك

ھاڭۋاقتىلىق

  • ھاڭۋاقتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داۋاملىق ھاڭۋېقىپ بىپەرۋا يۈرۈش، ھاڭۋېقىش:[مىسال:] ھاڭۋاقتىلىق قىلماق.

ھاڭۋاقماق

  • ھاڭۋاقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]ھاڭ+باقماق[[يەشمىسى:] ھېچنېمىنى سەزمەي، ھېس قىلماي تۇرۇپ قالماق؛ بىپەرۋالىق بىلەن تۇرماق؛ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالماق:[مىسال:] قاراڭغۇ دەپ ھاڭۋاقما، يورۇقلۇقنى ئىزلەپ تاپ (ماقال).

ھالⅠ

  • ھالⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاچ قىزىل، قىزغۇچ؛ شاپتۇل چېچىكى رەڭ:[مىسال:] ھال ئانار تاش. ھال پروكسېنت. ھال كۋارتس.

ھال رەڭ

  • ھال رەڭ[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] ① ئاچ قىزىل بولىدىغان بىر خىل مۇرەككەپ رەڭ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل رەڭگە ئىگە:[مىسال:] ھال رەڭ ياغلىق. ھال رەڭ كۆڭلەك.

ھالⅡ

  • ھالⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەمبۇرۇغلار پەيدا قىلىدىغان زىرائەت كېسىلى. كېسەللەنگەن زىرائەتلەرنىڭ يوپۇرماق، غوللىرىدا دات رەڭگىدە توچكىلار پەيدا بولىدۇ، مەھسۇلاتقىمۇ تەسىر يېتىدۇ. ئۇ «دات كېسىلى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ھالⅢ

  • ھالⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەۋجۇت بولغان ياكى يۈز بەرگەن ھالەت، ئەھۋال:[مىسال:] بار بارى بىلەن، يوقى ھالى بىلەن (ماقال).[يەشمىسى:] ② تۇرق كۆرۈنۈش:[مىسال:] ھالىڭىزغا ۋاي[يەشمىسى:] ③ جىسمانىي ۋە روھىي ھالەت؛ سالامەتلىك، كەيپىيات:[مىسال:] ئېغىر ئەمگەك ئۇنىڭ ھالىنى قويمايتتى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كىبىر:[مىسال:] ھالى ئۈستۈن. ھال پەيدا بولماق.

ھال تارتماق

  • ھال تارتماق[يەشمىسى:] نازلانماق، نېزىقىماق:[مىسال:] ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت (ماقال).

ھال تەگمەك

  • ھال تەگمەك[يەشمىسى:] كىبرى ئۈستۈنلىمەك، ھالى يوغانلىماق:[مىسال:] ئۇ مۇدىر بولغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ھال تېگىپ قاپتۇ.

ھال ئېيتماق

  • ھال ئېيتماق[يەشمىسى:] ① ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇنغا بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئەرز ئېيتماق:[مىسال:] مەن ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاۋاتاتتىم. ماڭا تونۇش پىكاپ غۇيۇلداپ كېلىپ «ۋىش» قىلىپ توختىدى.[يەشمىسى:] ② بىركىم بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكىنى سۆزلەپ بەرمەك؛ دەرد تۆكمەك:[مىسال:] دۈشمىنىڭگە ھال ئېيتما، كۈلگىسى كېلىدۇ، دوستۇڭدىن سىر ئايىما، بىلگۈسى كېلىدۇ (ماقال).

ھالى تەڭ

  • ھالى تەڭ[يەشمىسى:] ئەھۋالى ئېغىر، قىينالغان؛ ھالى خارابلاشقان:[مىسال:] رەھىم قىلسىلا بېگىم، ئاتىسىنىڭ ھالى تەڭ، ئەتە-ئۆگۈنگىچە تۈزۈلۈپ قالسا يەنە خىزمەتلىرىدە بولار، دېدى تاجىخان يىغلامسىراپ.

ھالىغا خادا بويلىمايدىغان

  • ھالىغا خادا بويلىمايدىغان[يەشمىسى:] ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان، ھالى چوڭ، جازىسى ئۈستۈن؛ ھاكاۋۇر، تەكەببۇر:[مىسال:] «ئۇياقتىن كېلىپلا بۇياقتىن ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغىلى تۇردى، ۋاييەي، ھالىغا خادا بويلىماي كەتتى»، دەيتتى ئۇ دىمىغىدا پىنە سۈرۈپ.

ھالى قالماسلىق

  • ھالى قالماسلىق[يەشمىسى:] ① خۇشاللىقتىن نېمە قىلىشىنى بىلمەي پايپېتەك بولۇپ كەتمەك؛ ئاۋارە بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] بىزنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ھالى قالمىدى.[يەشمىسى:] ② ماغدۇرىدىن، كۈچىدىن كەتمەك:[مىسال:] ھېرىپ بىر قەدەم يۈرۈشكىمۇ ھالى قالمىغان ھاتەم دەرەخنىڭ تۈۋىگە باردى-دە، يېقىلدى.

ھالىڭ شۇ

  • ھالىڭ شۇ[يەشمىسى:] قولۇڭدىن كېلىدىغىنى شۇنچىلىك، ئەھۋالىڭ چاغلىق:[مىسال:] شۇ چاغدا پەررۇخ بەختى يېتىپ كەپتۇ. «بىزنىڭ سۆزىمىزگە كىرمەي ھالىڭ شۇ بولدىمۇ» دېيىشىپتۇ ئۇلار.

ھالى يوق

  • ھالى يوق[يەشمىسى:] ① كىبىرى، چوڭچىلىقى يوق، ھاكاۋۇر، تەكەببۇر ئەمەس:[مىسال:] ئامانگۈل ھالى يوق، ئاق كۆڭۈل بىر قىز ئىدى.[يەشمىسى:] ② ماغدۇرى، ماجالى يوق؛ كۈچىدىن قالغان؛ كۈچسىز:[مىسال:] بۇرۇنقىدەك ئۇنداق سىرتلاردا چېپىپ يۈرىدىغان ھالىمىز يوق.

ھالا

  • ھالا[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئورۇن ياكى ۋاقىت چېكىنى بىلدۈرىدىغان رەۋىش ۋە رەۋىشداشلارنىڭ ئالدىدا كېلىپ، چەك ئۇقۇمىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] سىدىق كىچىكىدىن يامان ئۆگىنىپ قالغاچقا ھالا بۈگۈنگىچە بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتماي، لاغايلاپ يۈرىدۇ، دېدى تاغام ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ.

ھالاقەت

  • ھالاقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەسىر، كاشىلا؛ توسقۇن، دەخلى:[مىسال:] ھالاقەت بەرمەك. ھالاقەت يەتكۈزمەك.

ھالاك

  • ھالاك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلۈش، يوقىلىش.

ھالاك بولماق

  • ھالاك بولماق[يەشمىسى:] ئۆلمەك، يوقالماق، تۈگەشمەك.

ھالاك قىلماق

  • ھالاك قىلماق[يەشمىسى:] ئۆلتۈرمەك، يوقاتماق، تۈگەتمەك.

ھالاكەت

  • ھالاكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆلۈم، قىرىلىش، يوقىلىش، مەغلۇب بولۇش؛ ۋەيران بولۇش:[مىسال:] ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالماق.

ھالاكەتلىك

  • ھالاكەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھالاكەتكە، ۋەيران بولۇش، يوقىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان؛ ھالاك بولغان، ۋەيران بولغان، يوقالغان:[مىسال:] ھالاكەتلىك ئاقىۋەت.

ھالال

  • ھالال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، يېگىلى، ئىچكىلى، پايدىلانغىلى بولىدىغان؛ ھارام ئەمەس:[مىسال:] ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان، ئۆز ئەمگىكى، ئۆز تەرى بىلەن جۇغلىغان:[مىسال:] ھالال مال. ھالال پۇل.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قىڭغىر يولدا ماڭمايدىغان، باشقىلارنى ئالدىمايدىغان؛ پاك، ساپ دىل، توغرا:[مىسال:] ئىنسابلىق، ھالال ئادەملەر ئۆز ئائىلە چىرىغىنى ئۆچۈرمەيدۇ. ∥ھالال ئىشلىمەك، ھالال ياشىماق.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەق، توغرا، مۇۋاپىق، تېگىشلىك، جايىدا:[مىسال:] ئۇ لۈكچەككە مۇشت ھالال تەگدى.[يەشمىسى:] ⑤ نىكاھلاپ ئېلىنغان، قانۇنىي (خوتۇن ھەققىدە):[مىسال:] سايىم بۇ ھالال جۈپتى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.

ھالاللىق

  • ھالاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋىجدان ۋە ئىنساب بىلەن ئىش تۇتۇش؛ توغرىلىق، ساپلىق:[مىسال:] ياغاچچى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ھالاللىق بىلەن كۈچىنى سەرپ قىلىپتۇ.

ھالاللىماق

  • ھالاللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] يېسە-ئىچسە، پايدىلانسا توغرا بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەك، ھالال قىلماق:[مىسال:] تەر — قىلغان-ئەتكەننى ھالاللايدۇ (ماقال).

ھالاۋەت

  • ھالاۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] لەززەت، زوق؛ راھەت-پاراغەت:[مىسال:] ھالاۋەت كۆرمەك. * جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق (ماقال).

ھالاۋەتلىك

  • ھالاۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھالاۋىتى بار، ھالاۋەت بېغىشلايدىغان، راھەتلىك:[مىسال:] ھالاۋەتلىك تۇرمۇش.

ھالەت

  • ھالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھال، ئەھۋال؛ ۋەزىيەت:[مىسال:] باشلانغۇچ ھالەت. ھەربىي ھالەت. روھىي ھالەت. قىيىن ھالەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۈملىدە پېئىل ۋە سۈپەتنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەت ياكى خۇسۇسىيەتنىڭ ھەر خىل ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە بۆلىكى.

ھال-ئەھۋال

  • ھال-ئەھۋال[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ھالىتى؛ سالامەتلىكى؛ تۇرمۇش شارائىتى، ھال-كۈنى:[مىسال:] ھال-ئەھۋال سورىماق.

ھالبۇكى

  • ھالبۇكى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «ئەھۋال شۇنداقكى، ئەمەلىيەت شۇكى» دېگەن مەنىلەردىكى قارمۇ قارشى باغلىغۇچى بولۇپ، رولى «ئەمما، بىراق، لېكىن» باغلىغۇچىلىرىغا يېقىن كېلىدۇ.

ھالپۇ

  • ھالپۇ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىچىك ئىشنى يوغان قىلىپ كۆرسىتىدىغان كۆپتۇرمىچى.

ھالدا

  • ھالدا[يەشمىسى:] ① «ھالⅢ» سۆزىنىڭ ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى «-دا» بىلەن تۈرلەنگەن شەكلى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھالەتتە، تەرىقىدە، رەۋىشتە:[مىسال:] بۇ چاغدا بەڭگىلەر ئەمدى قانداق رەڭدىكى پو ئېتىشنى ئويلىشىۋاتقاندەك، بېشىنى بىر يەرگە ئېڭىشتۈرگەن ھالدا دۈمچەيگىنىچە يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى.

ھالسىراتماق

  • ھالسىراتماق[يەشمىسى:] «ھالسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇشۇ ۋەھىمىلىك ۋەقە ئۇنىڭ يۈرىكىنى ھالسىرىتىپ قويدى.

ھالسىراشماق

  • ھالسىراشماق[يەشمىسى:] «ھالسىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن كېيىن دۈشمەنلەر خېلىلا ھالسىرىشىپ قېلىشتى.

ھالسىرىماق

  • ھالسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھالىدىن كەتمەك، ھالسىزلانماق:[مىسال:] دۈشمەننىڭ ئالدىنقى قىسمى خېلىلا ھالسىراپ قالدى.

ھالسىز

  • ھالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھالى، كۈچ-قۇۋۋىتى يوق؛ ھالىدىن كەتكەن، مادارى قالمىغان؛ دەرمانسىز؛ زەئىپ:[مىسال:] سەھەرنىڭ ئىللىق نۇرى چېدىرنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئۆتۈپ، يەردە ھالسىز ياتقان ئەكبەرنىڭ يۈزىگە چۈشتى.

ھالسىزلاندۇرماق

  • ھالسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ھالسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر چاغدىن كېيىن سودىگەر ئويغىنىپ قارىسا ئوغلىنى يىلان چېقىپ ھالسىزلاندۇرۇپتۇ.

ھالسىزلاندۇرۇلماق

  • ھالسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ھالسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھالسىزلانماق

  • ھالسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۈچىدىن، ماغدۇرىدىن كەتمەك، ماغدۇرسىزلانماق؛ ئاجىزلاشماق:[مىسال:] قۇرۇق قاقشال بولۇپ قالغان ھاشارچىلار پاتلا ھالسىزلىنىشقا باشلىدى.

ھالسىزلىق

  • ھالسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاجىز، كۈچسىز ھالەت ماغدۇرسىزلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ ھالسىزلىقتىن نۇرى قاچقان كۆزلىرى ھەرقانداق كىشىنى ئەندىشىگە سالاتتى.

ھالسىزلىنىشماق

  • ھالسىزلىنىشماق[يەشمىسى:] «ھالسىزلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھالقا

  • ھالقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مېتالنى ئېگىپ، ئىككى ئۇچىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسالغان چەمبەر شەكلىدىكى بۇيۇم:[مىسال:] تۆمۈر ھالقا. زەنجىر ھالقىسى. ئىشىك ھالقىسى.[يەشمىسى:] ② قۇلاققا ئېسىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى. كۆپىنچە ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق مېتاللاردىن ھەر خىل شەكىلدە ياسىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ چەمبەر، دائىرە شەكلىدىكى نەرسە، گەردىش:[مىسال:] خان ئارسلانبەگنى باشلاپ ھالقا بولۇپ تۇرغان مېھمانلار ئالدىدىن ئايلاندى.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ئۆزئارا باغلانغان ۋە بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەردىن بىرى:[مىسال:] ئاجىز ھالقا. ئىش ھالقىلىرى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بۆلىكى:[مىسال:] خىزمەتنىڭ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قورشاۋ، مۇھاسىرە:[مىسال:] ئەمىر، بەگلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ چېدىر-بارگاھلىرىنى تىكىپ، كەستىھام شەھىرىنى ھالقىغا ئالدى.

ھالقىتماق

  • ھالقىتماق[يەشمىسى:] «ھالقىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تەسلىم بولغان ئەسكەرلەر قىياپىتىدە ئىككى قولىنى بېشىدىن ھالقىتىپ تۇرۇپ، شەپقەت ھەمشىرىگە يېنىش-يېنىش يالۋۇردى.

ھالقىشماق

  • ھالقىشماق[يەشمىسى:] «ھالقىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھالقىلىق

  • ھالقىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھالقىسى بار، ھالقا ئورنىتىلغان، ھالقا ئاسقان:[مىسال:] ھالقىلىق دەرۋازا. ھالقىلىق قىز.[يەشمىسى:] ② ھالقا ياساشقا بولىدىغان، ھالقا ياساش ئۈچۈن تەييارلانغان، ھالقىغا تۇشلۇق:[مىسال:] ھالقىلىق تۆمۈر.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ھەل قىلغۇچ، مۇھىم جىددىي:[مىسال:] ھالقىلىق پەيت. ھالقىلىق مەسىلە. ھالقىلىق ۋاقىت.

ھالقىلىق ئات

  • ھالقىلىق ئات[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] ① گىمناستىكا ئەسۋابى، يەنى ياغاچ ئاتنىڭ بىر خىلى. كۆرۈنۈشى ئات شەكلىگە ئوخشايدۇ. ئۈستىگە ئىككى دانە يېرىم ھالقا ئورنىتىلغان.[يەشمىسى:] ② گىمناستىكا مۇسابىقە تۈرى. بۇنىڭدا تەنھەرىكەتچىلەر ھالقىلىق ئات ئۈستىدە ھالقىنى تۇتۇپ ياكى ئاتنىڭ دۈمبىسىگە تايىنىپ ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلايدۇ.

ھالقىماق

  • ھالقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئاتلىماق، ئاشماق:[مىسال:] ئېرىقتىن ھالقىماق. تامدىن ھالقىماق.[يەشمىسى:] ② بىرەر چەك ياكى دائىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەك؛ ئېشىپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ يېشى ئەللىكتىن ھالقىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ساھە ياكى ئىشتا باشقىلاردىن ئۆتۈپ كەتمەك؛ ئۈستۈن تۇرماق:[مىسال:] قاسىم ئۆگىنىشتە باشقا ساۋاقداشلىرىدىن ھالقىپ، كۆزگە كۆرۈندى.

ھال-كۈن

  • ھال-كۈن[يەشمىسى:] «ھال-ئەھۋال»غا قاراڭ.

ھاللازلىماق

  • ھاللازلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھاڭگا ئېشەك ھاڭراپ يۈگۈرمەك.

ھاللاشماق

  • ھاللاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئەھۋاللاشماق، مۇڭداشماق، سۆزلەشمەك، پىكىرلەشمەك:[مىسال:] ئۇلارنىڭ ھاللىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان ساۋاقداشلىرىمۇ سوراپ قالدى.

ھاللاڭ

  • ھاللاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] «ھاڭغىرقاي»غا قاراڭ.

ھاللانماق

  • ھاللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھال-كۈنى، تۇرمۇشى ياخشىلانماق:[مىسال:] تۆمۈر ئائىلىسى، قورايغا كەلگەندىن بېرى بىرئاز ھاللىنىپ قالدى.[يەشمىسى:] ② كۈچ-قۇۋۋەت، ماغدۇر پەيدا بولماق، ماغدۇرلانماق:[مىسال:] رەھىم ئاتام، يېڭىلا كېسەلدىن قوپتى. سەل ھاللىنىۋالسۇن، دېدى تاشۋاي كۆپچىلىككە قاراپ.

ھاللەسە

  • ھاللەسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بار نەرسىنى تەڭ كۆرۈپ پايدىلىنىش.

ھاللىق

  • ھاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھال-ئەھۋالى، كۈنى يامان ئەمەس، ئۆزىنى ئۆزى قامداپ كېتەلەيدىغان:[يەشمىسى:] ھاللىق دېھقان. ھاللىق چارۋىچى.

ھال-مۇڭ

  • ھال-مۇڭ[يەشمىسى:] ھال ۋە مۇڭ؛ ھال-ئەھۋال، دەرد؛ ئىچ پۇشۇق:[مىسال:] ھال-مۇڭ ئېيتىشماق.

ھال-ئوقەت

  • ھال-ئوقەت[يەشمىسى:] ھال ۋە ئوقەت، ھال-كۈن، ھال-ئەھۋال؛ تىرىكچىلىك، مەئىشەت:[مىسال:] شۇنداق قىلىپ، بالىلارنىڭ ھال-ئوقىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىپتۇ.

ھال-ئوقەتلىك

  • ھال-ئوقەتلىك[يەشمىسى:] ھال-ئوقىتى بار، تۇرمۇشى، مەئىشىتى، تىرىكچىلىكى ياخشى.

ھالۇ

  • ھالۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھويلا.

ھالۋا

  • ھالۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قوي مېيىدا قورۇلغان ئۇن بىلەن شېكەر سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان بىر خىل شېرىن يېمەكلىك.

ھالۋىچى

  • ھالۋىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھالۋا ئېتىپ ساتقۇچى ئادەم:[مىسال:] بورىچى ھالۋىچى بولسا، كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ (ماقال).

ھام

  • ھام[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئېغىزنى چوڭ ئېچىپ بىراقلا يۇمۇش ھالىتى:[مىسال:] ھام ئەتمەك. ھام قىلماق.

ھاماقەت

  • ھاماقەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەقىلسىز، ئەخمەق، نادان، دۆت:[مىسال:] ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە، ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ (ماقال).

ھاماقەتلەشمەك

  • ھاماقەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھاماقەتكە ئايلانماق.

ھاماقەتلىك

  • ھاماقەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەقىلسىزلىق، ئەخمەقلىق، دۆتلۈك:[مىسال:] بوۋاي بىلەن موماي ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ، پادىشاھنىڭ ھاماقەتلىكىدىن شىكايەت قىلىپتۇ.

ھامان

  • ھامان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① داۋاملىق، توختىماي، دائىم، ھازىرغىچە، ھېلىھەم:[مىسال:] لېكىن ئۇ ماڭا پۇرسەت بەرمەي، ھامان قىستاپ كېلىۋەردى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسە يۈز بەرگەن پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئاشۇ زامان، شۇ ئاندا:[مىسال:] ئىسكىرىپكا چاي ئۈستىلىگە قويۇلۇشى ھامان قەدىردىن ئۇنى ئېلىپلا باغرىغا باستى.[يەشمىسى:] ③ ھەرقانچە قىلغان بىلەن، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاخىرقى ھېسابتا، چوقۇم، بەرىبىر:[مىسال:] ھايات ھامان مۇھەببەتكە موھتاج، مۇھەببەت مېھىر-شەپقەتكە.

ھامانە

  • ھامانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەرقانچە قىلغان بىلەن، ئاخىرقى ھېسابتا، بەرىبىر، چوقۇم:[مىسال:] ئىنساننىڭ دۇنياغا كەلمىكى باردۇر، بىركۈنى ھامانە ئۆلمىكى باردۇر.

ھامانەم

  • ھامانەم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ھامانە»گە قاراڭ.

ھامما

  • ھامما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا ياكى ئانىسىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى:[مىسال:] ئالماس بولسا كۈتۈلگەن ئادەم يېتىپ كەلگۈچە، ئېلىقۇلنىڭ ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئېلىشانى يوقلاپ كېلىشنى قارار قىلدى.[يەشمىسى:] ② ئۆزىدىن چوڭلارغا مۇاجىئەت قىلىش، ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆز:[مىسال:] قېرى ھامما مېھرىبان-كۆيۈمچان ئايال ئىدى.

ھامما ئاچا

  • ھامما ئاچا[يەشمىسى:] «ھامما»غا قاراڭ.

ھاممال

  • ھاممال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۈك قاچىلاپ، يۈك چۈشۈرگۈچى، يۈك توشۇغۇچى ئىشچى؛ يۈكچى.

ھامماللىق

  • ھامماللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يۈك قاچىلاش، چۈشۈرۈش، توشۇش ئىشى ۋە مۇشۇنداق مەشغۇلات.

ھاممام

  • ھاممام[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۇيۇنۇش، چۆمۈلۈش ئۈچۈن ئىسسىق ۋە سوغۇق سۇلىرى دائىم بار بولغان مەخسۇس ئۆي؛ مۇنچا:[مىسال:] ھاممامغا كىرمەك.

ھاممامچى

  • ھاممامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاممامغا قارىغۇچى، ھاممامنى باشقۇرغۇچى ئادەم.

ھامىلە

  • ھامىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئانىلىق تېنىدە پەيدا بولغان يۇمران تەن؛ تۆرەلمە.

ھامىلىدار

  • ھامىلىدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قورسىقىدا ھامىلىسى بار؛ ئىككىقات، ئېغىرئاياغ:[مىسال:] ھامىلىدار ئايال.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئاساس، سەۋەبچى:[مىسال:] ھەش-پەش دېگۈچە يېرىم ئاي ئۆتۈپ كەتتى، خۇشاللىق ياكى دىل ئازابىغا ھامىلىدار مىنۇتلار يېتىپ كەلدى.

ھامىلىدارلىق

  • ھامىلىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھامىلىدار ھالەت:[مىسال:] ھامىلىدارلىق مەزگىلى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىئول<[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ تېنىدە ھامىلىنىڭ پەيدا بولۇپ يېتىلىش جەريانى.

ھامىنى

  • ھامىنى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئاخىرقى ھېسابتا، ھامانە، بەرىبىر:[مىسال:] ئۆزلىرى ھامىنى ئۆي سالغاندىن كېيىن ئىككى ئېغىز سالىمەن دېمەي تۆت-بەش ئېغىزلىق سالسىلا، دېدى ھاكىمغا يېزا باشلىقى تۇرسۇن.

ھامىي

  • ھامىي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۆلىگۈچى، ئاسرىغۇچى، ھىمايىچى، قوللىغۇچى، يۆلەك؛ تەرەپدار:[مىسال:] ھامىي بولماق.

ھامىيلىق

  • ھامىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىش، تەرەپدارلىق:[مىسال:] ھامىيلىق قىلماق.

ھاننات

  • ھاننات[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] رەھىمسىز، شەپقەتسىز؛ ئۇششۇق:[مىسال:] ھۆكۈم سۈردى سېنىڭدە ياڭ زىڭشېڭ دېگەن ھاننات، قانلار ئىچتى شارابتەك جېڭ شۇرېن دېگەن جاللات.

ھاھ

  • ھاھ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق كۈلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.

ھاھ-ھاھ

  • ھاھ-ھاھ[يەشمىسى:] «ھاھ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] قاسىمنىڭ«ھاھ-ھاھ»قىلىپ كۈلگىنىدىن بىر مەسخىرە چىقىپ تۇراتتى.

ھاۋ

  • ھاۋ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئىت قاۋىغان چاغدا چىقىدىغان ئۈزۈك ئاۋاز:[مىسال:] ئىتنىڭ تۇيۇقسىز «ھاۋ»قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم.

ھاۋا

  • ھاۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] يەر شارى ئەتراپىدىكى ئاتموسفېرا قەۋىتىنى ھاسىل قىلغان گاز جىسىم. رەڭسىز، پۇراقسىز بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى ئازوت بىلەن ئوكسىگېن. ئۇنىڭغا يەنە ناھايىتى ئاز مىقداردا گېلېي، ئارگون، نېئون، كرىپتون، كسېنون قاتارلىق ئىنېرتلىق ئېلېمېنتلار ۋە سۇ پارى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، مىكروئورگانىزملار ھەم باشقا ئارىلاشما ماددىلارمۇ ئارىلاشقان بولىدۇ:[مىسال:] ساپ ھاۋا. ھاۋادىن نەپەس ئالماق.[يەشمىسى:] ② يەر ئۈستىدىكى ئاتموسفېرا بوشلۇقى؛ بوشلۇق:[مىسال:] سادىرنىڭ قولىدىكى بايراق ھاۋادا لەيلەپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ ئاتموسفېرانىڭ ئەھۋالى:[مىسال:] ئوچۇق ھاۋا. ھاۋا ئۆزگەرمەك. ھاۋا تۇتۇلماق.[يەشمىسى:] ④ بىرەر جاينىڭ يەر ئۈستى شارائىتى؛ ئىقلىمى:[مىسال:] تاغ ھاۋاسى. * بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ماڭا ياقىدۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كەيپىيات؛ ۋەزىيەت:[مىسال:] ئۇ يەردە سىياسىي ھاۋا ناھايىتى يامان.

ھاۋا بېسىمى

  • ھاۋا بېسىمى[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرانىڭ جىسىم يۈزىگە چۈشۈرىدىغان بېسىمى. بۇ خىل بېسىم دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىگەنسېرى، شۇنچە ئاجىزلايدۇ. مەسىلەن، يۇقىرى بوشلۇق ياكى ئېگىز تاغلاردىكى ھاۋا بېسىمى تۈز يەرنىڭكىدىن ئاجىز بولىدۇ.

ھاۋا تاپان

  • ھاۋا تاپان[يەشمىسى:] ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئىككى پۇتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ھالىتى:[مىسال:] ھاۋا تاپان قىلماق.

ھاۋا رايى

  • ھاۋا رايى[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] بەلگىلىك رايون ياكى بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئاتموسفېرادا يۈز بەرگەن تۈرلۈك مېتېئورولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر. مەسىلەن، تېمپېراتۇرا، نەملىك، ھاۋا بېسىمى. يېغىن، شامال، بۇلۇت قاتارلىقلار.

ھاۋا رەڭ

  • ھاۋا رەڭ[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] ① ئوچۇق سۇس كۆك بولىدىغان بىر خىل مۇرەككەپ رەڭ.[يەشمىسى:] ② مۇشۇ خىل رەڭگە ئىگە:[مىسال:] ھاۋا رەڭ سارجا. ھاۋا رەڭ ياغلىق.

ھاۋادان

  • ھاۋادان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆي تېمىنىڭ تورۇسقا يېقىن يېرىدىن قويۇلغان ھاۋا تۆشۈكى.

ھاۋاسىز

  • ھاۋاسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاۋاسى يوق، ھاۋاسى شالاڭ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھاۋادىن خالىي، ھاۋادىن ئايرىلغان ھالدا، ھاۋا بولمىغان شارائىت ئاستىدا، ھاۋادىن نەپەسلەنمەي:[مىسال:] جانلىقلارنىڭ ھاۋاسىز ياشىشى مۇمكىنمۇ

ھاۋاسىزلاندۇرماق

  • ھاۋاسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ھاۋاسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھاۋاسىزلاندۇرۇلماق

  • ھاۋاسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ھاۋاسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھاۋاسىزلانماق

  • ھاۋاسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھاۋاسىز ھالەتكە كەلمەك، ھاۋاسى چىقىپ كەتمەك:[مىسال:] ھاۋاسىزلانغان لامپۇچكا.

ھاۋالاندۇرماق

  • ھاۋالاندۇرماق[يەشمىسى:] «ھاۋالانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھاۋالاندۇرۇلماق

  • ھاۋالاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ھاۋالاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھاۋالانماق

  • ھاۋالانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالماق، ھاۋا يېمەك:[مىسال:] ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر ئاي سەپەر قىلىپ، ئەتراپى بوستانلىق بىر بۇلاق بېشىغا يېتىپ كەپتۇ. ھاۋالىنىپ ھاردۇقىنى چىقارماق بوپتۇ.

ھاۋالە

  • ھاۋالە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر ئىشنى باشقا بىراۋنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ قويۇشىغا، بېجىرىشىگە تاپشۇرۇش:[مىسال:] ھاۋالە قىلماق.

ھاۋالىق

  • ھاۋالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھاۋاسى بار، ھاۋاغا ئىگە بولغان:[مىسال:] كۆپۈنچە ھاۋالىق بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② ھاۋاسى ياخشى، خۇش ھاۋا:[مىسال:] ھاۋالىق باغ.

ھاۋانچا

  • ھاۋانچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] تۆمۈر، چويۇن، تاش، ياغاچ قاتارلىقلاردىن ياسىلىدىغان، دورا-دەرمەك ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى يانجىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆي سايمىنى.

ھاۋايى-ھەۋەس

  • ھاۋايى-ھەۋەس[يەشمىسى:] شەھۋانىيلىق، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپا:[مىسال:] تۇردىخان دەللىنىڭ چۈشەنچىسىدە بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىر-بىرىدىن قېلىشماس پاھىشە مەستانىلىرى، ھاۋايى-ھەۋەس ئاچ كۆزلىرى ئىدى.

ھاۋشىتماق

  • ھاۋشىتماق[يەشمىسى:] «ھاۋشىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ ئىتنى ھاۋشىتىپ ئويناشقا باشلىدى.

ھاۋشىشماق

  • ھاۋشىشماق[يەشمىسى:] «ھاۋشىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يېرىم كېچە بولغاندا تۇيۇقسىز ئىتلار ھاۋشىشىپ كېتىشتى.

ھاۋشىماق

  • ھاۋشىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ھاۋ-ھاۋ» قىلماق، «ھاۋ-ھاۋ» قىلىپ قاۋىماق:[مىسال:] ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار (ماقال).

ھاۋ-ھاۋ

  • ھاۋ-ھاۋ[يەشمىسى:] «ھاۋ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئىتلار«ھاۋ-ھاۋ»قىلىپ قاۋشىپ، ئەتراپىمىزغا قاپساپ كېلىشتى.

ھاي

  • ھاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① ھەي:[مىسال:] سائادەت ئىشىكنى ئاچتى-دە:[مىسال:] نېلۇپەر، ھاي نېلۇپەر، دەپ توۋلىدى.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنىڭ بىرەر يامان ھەرىكىتىنى توسۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھاي، ئانداق قىلمايلى، شۇنچە ياخشى كۆكلەۋاتقان كۆچەتنى يۇلۇۋەتسەك خۇدا ئالدىدىمۇ، بەندە ئالدىدىمۇ گوناھ ئەمەسمۇ

ھاي بەرمەك

  • ھاي بەرمەك[يەشمىسى:] ئۆزىنى تۇتۇۋالماق، يامان ئىشنى قىلىش نىيىتىدىن يانماق، يامان غەرەزدىن ۋاز كەچمەك:[مىسال:] شەيتىنىغا ھاي بەرمەك. ئاچچىقىغا ھاي بەرمەك.

ھاي دېمەك

  • ھاي دېمەك[يەشمىسى:] توسماق، تورىماق، توختاتماق؛ نەسىھەت قىلماق:[مىسال:] ئۇ بالىسىنىڭ شۇنچە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ھاي دېمەي قاراپ ئولتۇراتتى.

ھايا

  • ھايا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نومۇسلۇق ئىش ۋە ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، ئىزا تارتىش ھېسسى؛ نومۇس، شەرم، ئار، ئۇيىلىش:[مىسال:] ھايا قىلماق. ھايا كەتمەك. * كىشىدىن ھايا كەتسە ئو رنىغا بالا كېلەر (ماقال). * ھايا يوق يەردە ئىمان يوق (ماقال).

ھايات

  • ھايات[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مەۋجۇتلۇقى، ياشىشى؛ ياشاش:[مىسال:] ئىنسانلارنىڭ ھاياتى. جانلىقلارنىڭ ھاياتى. ئۆسۈملۈكلەر ھاياتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جانلىقلارنىڭ ياشاش، ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتى؛ جېنى:[مىسال:] ھاياتى بىلەن ئويناشماق. ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالماق. ھاياتىنى تەقدىم قىلماق. ھاياتىنى ساقلاپ قالماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياشاۋاتقان ياكى ياشاش، ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بارلىق جانلىق مەۋجۇداتلار:[مىسال:] باياشات كۈز كۈنلىرىنىڭ ئاپتىپى بارچە ھاياتقا كۈلۈپ قارايتتى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياشاۋاتقان، ئۆلمىگەن، تىرىك:[مىسال:] ھايات قالماق. ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىگەن، ئۇ ھايات چاغدىكىدەكلا ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىرىك مەۋجۇداتلارنىڭ پەيدا بولغان، تۇغۇلغان ۋاقتىدىن تا ئۆلگەن ۋاقتىغا قەدەر ئۆتىدىغان ياشاش مۇددىتى، ئۆمرى:[مىسال:] ئەگەر بىرەر ھاجىتىڭ بولسا ئېيت مەن ئۇنى ئورۇنداي. چۈنكى، سېنىڭ ھاياتىڭ ناھايىتى ئازلا قالدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم، جەمئىيەتنىڭ پائالىيەت ۋە ياشاش يوسۇنى؛ تۇرمۇش، تىرىكچىلىك:[مىسال:] ئىجتىمائىي ھايات. ئائىلىۋى ھايات. ماددىي ھايات. مەنىۋى ھايات.[يەشمىسى:] ⑦ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ھاياتبەخش

  • ھاياتبەخش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھايات ئاتا قىلىدىغان؛ جانلىقنىڭ ياشىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان، كۈچ-قۇۋۋەت، تېتىكلىك ۋە زوق-شوق بېغىشلايدىغان:[مىسال:] ھاياتبەخش ئەتمەك.

ھاياتلىق

  • ھاياتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاياتقا ئىگە بولۇش، تىرىكلىك:[مىسال:] ھاياتلىق بولمىسا ئۆلۈم بولمايدۇ. ئۆلۈم بولمىسا ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ.

ھايات-مامات

  • ھايات-مامات[يەشمىسى:] ھايات ۋە مامات، تىرىك قېلىش ۋە ئۆلۈش:[مىسال:] ھايات-مامات جېڭى. ھايات-مامات كۈرىشى. * ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلدى.

ھايات-ماماتلىق

  • ھايات-ماماتلىق[يەشمىسى:] ھايات ۋە ماماتقا مۇناسىۋەتلىك، ھايات-مامات ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان:[مىسال:] ھازىر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھايات-ماماتلىق سىناق تۇرۇۋېتىپتۇ.

ھاياتىي

  • ھاياتىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ جۇشقۇن، جانلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ كىچىككىنە سەبىي قەلبىدە بىر خىل ھاياتىي كۈچ تاشقىنلاپ تۇراتتى.

ھاياجان

  • ھاياجان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر پەۋقۇلئاددە ھالەتتىن، ۋەقە ياكى خەۋەردىن پەيدا بولغان ئىچكى دولقۇنلىنىش، جىددىيلىك:[مىسال:] ھاياجانغا تولماق. ھاياجانغا كەلمەك.

ھاياجانلاندۇرماق

  • ھاياجانلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ھاياجانلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بوۋاينىڭ سۆزلىرى ئۇنى ھاياجانلاندۇرغانىدى.

ھاياجانلانماق

  • ھاياجانلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھاياجانغا چۆممەك، ھاياجانغا كەلمەك:[مىسال:] ئۇنى كۆرۈپ لەيلىگۈلنىڭ قەلبى ھاياجانلاندى.

ھاياجانلىق

  • ھاياجانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھاياجانلانغان، ھاياجان ئەكس ئېتىپ تۇرغان:[مىسال:] ھاياجانلىق كەيپىيات. ھاياجانلىق ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان، ھاياجانلاندۇرىدىغان، تەسىرلىك:[مىسال:] ھاياجانلىق شېئىر.

ھاياجانلىنىشماق

  • ھاياجانلىنىشماق[يەشمىسى:] «ھاياجانلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھاياسىز

  • ھاياسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاياسى يوق، ھايانى، نومۇسنى بىلمەيدىغان، ئۇيالمايدىغان؛ ئۇياتسىز، قېلىن:[مىسال:] ھاياسىز ئادەم.

ھاياسىزلىق

  • ھاياسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايا قىلماسلىق، ئۇيالماسلىق، ئۇياتسىزلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ھاياسىزلىقى ئاتا-ئانىسىنى ئۆكۈندۈردى.

ھايال

  • ھايال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كېچىكىش، كېيىن قېلىش:[مىسال:] ھايال بولماق. ھايال قالماق.

ھايال قىلماي

  • ھايال قىلماي[يەشمىسى:] ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، كېچىكمەي، ئارقىغا سوزماي:[مىسال:] يىگىت يېنىدىكى يىلاننىڭ بېشىنى داسقا تاشلىغانىكەن، ھايال قىلماي، قىزنىڭ ئىچىدىن يوغان بىر يىلان چىقىپ داسقا چۈشۈپ ئۆلۈپتۇ.

ھايال ئۆتمەي

  • ھايال ئۆتمەي[يەشمىسى:] ئانچە ۋاقىت ئۆتمەي، تېزلا:[مىسال:] ھايال ئۆتمەي نېرىقى ئۆيدىن زەينەپ چىقىپ كەلدى.

ھايالسىز

  • ھايالسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھايال ئۆتمەي، دەرھال تېز، كېچىكتۈرمەي:[مىسال:] رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۆز ئىشخانىسىدىن بىر بوغجۇما نەرسىنى ھايالسىز ئەكىردى.

ھاياللىماق

  • ھاياللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھايال بولماق، ھايال قالماق؛ كېچىكمەك:[مىسال:] مەن قايتاي، ئەمدى ھاياللىسام ئۇلار تۇيۇپ قالىدۇ، دېدى ئۇ.

ھايالىق

  • ھايالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھاياسى بار، ھايا قىلىشنى بىلىدىغان، ئۇياتچان، نومۇسچان:[مىسال:] ھايالىق قىز.

ھايان

  • ھايان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پايدا، نەپ:[مىسال:] ھايان ئالماق. ھايان كۆرمەك. ∥ھاينىغا قالغان جان.

ھاينىغا قالماق

  • ھاينىغا قالماق[يەشمىسى:] ① پايدىسىغا قالماق.[يەشمىسى:] ② ساق قالماق، قۇتۇلماق:[مىسال:] مەن كېتىمەن، ھاينىغا قالغان جان بارمۇ، مۇنداق يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاننىڭ نېمە پايدىسىنى كۆردۇق، دېدى ئادىل چېچىلىپ.

ھايانكەش

  • ھايانكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم پايدا، نەپ ئېلىش كويىدا بولىدىغان، ئەرزان ئېلىپ، قىممەت ساتىدىغان ئادەم.

ھايانكەشلىك

  • ھايانكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم پايدا، نەپ ئېلىش كويىدا بولۇش ھەرىكىتى:[مىسال:] ئەرزان ئېلىپ، قىممەت سېتىش ئىشى:[مىسال:] ھايانكەشلىك قىلماق.

ھايت

  • ھايت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] چاقىرىش، توۋلاش ئىماسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز:[مىسال:] قاچان «ھايت» دېسىڭىز، بىز شۇ ھامان تەييار، دېدى ئابدۇراخمان.

ھايت دەپ قويماق

  • ھايت دەپ قويماق[يەشمىسى:] خەۋەرلەندۈرۈپ قويماق، ئۇقتۇرۇپ قويماق:[مىسال:] سىز بولسىڭىز باشلىق، يېتىشەلمەي قالساڭ «ھايت» دەپ قوي دەپ ئاغزى يۇمشاقلىق قىلىڭ، دېدى ئايزىمخان يولدىشىغا.

ھايتاق

  • ھايتاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەپشەك، تەنتەك، بەڭۋاش، شاش؛ شاللاق:[مىسال:] ئۆزۈم ھايتاق، سالاغا بوش بولغاندىكىن نېمە قىلاي دېدى شىرمۇھەممەت.

ھايتاق ئاتماق

  • ھايتاق ئاتماق[يەشمىسى:] ئارقا ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ سەكرەپ، ئۇ تەرەپ-بۇ تەرەپكە يۈگۈرمەك (ئات، ئۇلاغ ھەققىدە):[مىسال:] تولۇمدەك سەمرىگەن ياش تايلار يايلاقتا ھايتاق ئېتىشىپ يۈرەتتى.

ھايت-ھۇيت

  • ھايت-ھۇيت[يەشمىسى:] ھايت ۋە ھۇيت:[مىسال:] ئويۇنغا قاتنىشالمىغانلارمۇ ئەتراپتا «ھايت-ھۇيت» دەپ ئاۋاز قوشۇپ تۇرۇشتى.

ھايت-ھۇيت دېگۈچە

  • ھايت-ھۇيت دېگۈچە[يەشمىسى:] ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە؛ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ھەش-پەش دېگۈچە، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا: مانا ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى.

ھايقىرتماق

  • ھايقىرتماق[يەشمىسى:] «ھايقىرماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھايقىرماق

  • ھايقىرماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ھاي-ھۇي» قىلىپ قاتتىق ۋارقىرىماق:[مىسال:] يىراقتىن بىرىنىڭ ھايقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

ھايقىرىشماق

  • ھايقىرىشماق[يەشمىسى:] «ھايقىرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھايقىرىق

  • ھايقىرىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ۋارقىرىغان ئاۋاز:[مىسال:] چوپانلارنىڭ ھايقىرىقلىرىدىن مال پادىلىرىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ھايھات

  • ھايھات[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] زوقلىنىش، ياقتۇرۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كۆزلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشتى. ھايھات... يىگىتنىڭ كۆزىدىن بىر ئۇچقۇن چاچراپ چىقىپ قەمبەرنىسانىڭ يۈرىكىگە مۇھەببەت ئوتىنى ياقتى.

ھاي-ھاي

  • ھاي-ھاي[يەشمىسى:] ① باشقىلارنى بىرەر يامان قىلمىشتىن توسۇش، رايىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] ھاي-ھاي، ئۇرۇشماڭلار[يەشمىسى:] ② زوقلىنىش، ياقتۇرۇش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھاي-ھاي ئۆلەن، ھاي ئۆلەن، گۈل قايدا بار، يارى-يار، بىر ياخشىغا بىر يامان ھەر جايدا بار، يارى-يار.

ھاي-ھۇي

  • ھاي-ھۇي[يەشمىسى:] ھاي ۋە ھۇي:[مىسال:] 2-گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى بولسا، ئۆزىنىڭ غەيرىتىنى مەتسايىم ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا ئەتەي كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك بار ئاۋازى بىلەن ھاي-ھۇي قىلىشماقتا ئىدى.

ھايۋان

  • ھايۋان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەرىكەت قىلىش ۋە سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، ئىنساندىن باشقا ھەربىر مەۋجۇدات؛ جانۋار:[مىسال:] بۇرادەر، ئۇچىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىلا قۇش بولۇۋەرمەيدۇ، دۇنيادا ئۇچىدىغان ھايۋانلار كۆپ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قوپال، مەدەنىيەتسىز، شەپقەتسىز، قەبىھ ئادەملەرگە قارىتا ئېيتىلغان ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] غەزەپلەنگەن خەلق ئىنسان قىياپىتىگە كىرىۋالغان بۇ ھايۋانلارغا نەپرەت ياغدۇرۇشقا باشلىدى.

ھايۋانات

  • ھايۋانات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھايۋانلار:[مىسال:] ھايۋانات دۇنياسى. ھايۋانات باغچىسى.[مىسال:]

ھايۋانات ئىمبرىئولوگىيىسى

  • ھايۋانات ئىمبرىئولوگىيىسى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمى ئۇرۇقلىنىپ، بالىسى شەكللىنىپ يېتىلگۈچى بولغان جەرياننى تەتقىق قىلىدىغان پەن. تۇخۇمنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، ئۇرۇقلىنىشى، ئورگانلارنىڭ ھاسىل بولۇشى، ئاجرىلىشى قاتارلىق تەرەققىيات جەريانىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەجرىبە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئانالىز قىلىدۇ.

ھايۋانلارچە

  • ھايۋانلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھايۋانلارغا خاس ھايۋانلاردەك، ھايۋانلارغا ئوخشاش قوپاللىق بىلەن:[مىسال:] ھايۋانلارچە ئۈسۈپ كىرمەك.

ھايۋانلىق

  • ھايۋانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھايۋانغا ئوخشاش قىلىق؛ قوپاللىق، مەدەنىيەتسىزلىك:[مىسال:] قىلمىشى ھايۋانلىق ئوخشىمايدۇ ئىنسانغا، ئاچلىق گادايلىق، ئوردىسى ئىدى بىزنىڭ يېزا.

ھايۋانىي

  • ھايۋانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھايۋانغا ئوخشاش، ھايۋانغا خاس؛ شەھۋانىي:[مىسال:] چاچلىرى چۇۋۇلغان كىيىملىرى يىرتىلغان سادەت ھايۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇۋاتقان ساۋۇتنىڭ بېلىدىكى تاپانچىنى سۇغۇرۇۋالدى.

ھەⅠ

  • ھەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ① سوئال جۈملىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قارىتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ھە، نەدىن كېلىۋاتىسەن[يەشمىسى:] ② بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەلەپ ھاسىل بولغانلىقىنى ياكى ئىشنىڭ مۇۋاپىق تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھە، ئەمدى قورساق تويدى. * ھە، بۇ ئىشىڭ يارايدۇ.[يەشمىسى:] ③ بۇيرۇق-تەلەپ مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا كېلىپ، شۇ ئىشقا نۆۋەت كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھە، ئەمدى ماڭايلى. * ھە، ئەمدى سۆزلە.[يەشمىسى:] ④ بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا كېلىپ، چۈشەنگەنلىك، ئېسىگە ئالغانلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھە... ئىسىمگە كەلدى. * ھە... سىز ئىكەنسىز-دە[يەشمىسى:] ⑤ بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا كېلىپ، چۆچۈگەنلىك ياكى ئېنىق ئاڭلىمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھە كەلمىدى ھە ئۆمەرجان ئورنىدىن سەكرەپ تۇرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ بىرەر ئىشقا زورلاش، ئۈندەش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ھە، قەغەز ئال. ياز:[مىسال:] «پۇلغا ساتمايمىز». يازدىڭمۇ

ھەⅡ

  • ھەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق.[يەشمىسى:] ① جۈملىنىڭⅡشەخس بايان مەيلىدىكى خەۋىرىنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ، سوئال مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىسمىمۇ چىرايلىق ئىكەن-ھە[يەشمىسى:] ② يېڭى چۈشەنگەنلىك ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] شۇ ئىشقا خاپا بولغان ئىكەنسەن-ھە[يەشمىسى:] ③ ئەسلەۋاتقانلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەزرەتلىرى ئۈچ ئىشنى ياخشى كۆرىدىلا:[مىسال:] بىرىنچى پۇل، ئىككىنچىسى پادىشاھنى، ئۈچىنچىسى، ھە... خېنىمنى.[يەشمىسى:] ④ يېڭى ئەسكە ئالغانلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھە توغرا، سىز ھېلىقى مېنى «كۆك لازا» دەپ تىللىغان بالىغۇ، راستمۇ.[يەشمىسى:] ⑤ «ھەئە» نىڭ رولىدا ئىلىك ئېلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] قاسىمنى كۆردۈڭمۇ ھە، كۆردۈم. * بازارغا بارامسەن ھە.[يەشمىسى:] ⑥ بايان مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ، سۆزلىگۈچىنىڭ شۇ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىش ھەرىكەتكە بولغان ھېس-تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] بۇ دەريا نېمىدېگەن تېز ئاقىدۇ-ھە

ھە دەپ

  • ھە دەپ[يەشمىسى:] تېز-تېز، قايتا-قايتا، توختىماستىن:[مىسال:] ئەنە شۇ ئۈجمىلەردىن بىرىنىڭ ئۈستىدە كەشتىلەنگەن شايى كۆڭلىكىنى بېلىگە تۈرۈۋالغان ياش ئايال ھە دەپ غازاڭ سىيرىماقتا.

ھە دېسىلا

  • ھە دېسىلا[يەشمىسى:] ① ھە دېگەندە:[مىسال:] ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى دەپ، ھە دېسىلا شىېرىنگۈلگە ۋارقىرايدىكەنلا، دېدى ئۇ ئۈنلۈك قىلىپ.[يەشمىسى:] ② دائىم، ھەمىشە:[مىسال:] لېكىن ئۇ ھە دېسىلا مەسچىت-مەدرىسىلەرنى چۆرگىلەيدىغان بولۇپ قالدى.

ھە دېگەندە

  • ھە دېگەندە[يەشمىسى:] باشتىلا، باشلىنىشتىلا:[مىسال:] ئۇلار ھە دېگەندە بۈگۈنكى مۇراسىمنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشكەنىدى.

ھەئە

  • ھەئە[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بولۇشلۇق جاۋاب ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئىشتىن چۈشتىڭىزمۇ دەپ سورىدى ئايالىم:[مىسال:] مەن: ھەئە، دەپ جاۋاب بەردىم.

ھەبەش

  • ھەبەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] نېگىرلار (قاراتەنلىكلەر) نىڭ ئەرەب تىلىدا ئاتىلىشى.

ھەببە

  • ھەببە[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ھەيران قېلىش، تولۇق قانائەتلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەببەللى

  • ھەببەللى[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئىنتايىن مۇۋاپىق كۆرگەنلىك ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەببەللى، بەك ياخشى، دېدى شەيخ پالۋانغا.

ھەببۇلمۈلۈك

  • ھەببۇلمۈلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ئىنەكپىتى»گە قاراڭ.

ھە-پە دېيىشمەك

  • ھە-پە دېيىشمەك[يەشمىسى:] ياردەملەشمەك، ھەمكارلاشماق، قىلىشىپ بەرمەك:[مىسال:] دوستۇم، ئىلاجى بولسا كەل، بىر-ئىككى كۈن ھە-پە دېيىشىپ بەرسەڭ تۈگەيدۇ.

ھەپەش

  • ھەپەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پېتىر خېمىرنى جىلتا ئېچىپ ئىچىگە قىيما ئېلىپ، قازاننىڭ چۆرىسىگە يېقىپ ھوردا پىشۇرۇلىدىغان مانتا.

ھەپەشخان

  • ھەپەشخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] «قىلىقسىز، نومۇسى يوق» دېگەن مەنىدىكى تىل-ھاقارەت سۆزى (ئاياللار ھەققىدە):[مىسال:] ئەركە-نايناق سەتەڭلەر، غىلجىڭ ھەپەشخانلار بىلەن ئولتۇرۇش، مەشرەپ، ئويۇن-تاماشا... ساپلا بەتقىلىق ئىش

ھەپتە

  • ھەپتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە بولغان يەتتە كېچە-كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى:[مىسال:] ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى. ئۆتكەن ھەپتە. ھەپتە بېشى. ھەپتە ئاخىرى.[يەشمىسى:] ② ئومۇمەن بىرەر كۈندىن باشلاپ ھېسابلنىدىغان يەتتە كېچە-كۈندۈزدىن ئىبارەت ۋاقىت:[مىسال:] بىر ھەپتە تۇرماق. ئىككى ھەپتىدە كەلمەك.

ھەپتە-ھەپتىلەپ

  • ھەپتە-ھەپتىلەپ[يەشمىسى:] بىرنەچچە ھەپتە، ئۇدا نەچچە ھەپتە، ھەپتىلەر داۋامىدا:[مىسال:] ئۇ ئوغلىنى ھەپتە-ھەپتىلەپ كۆرمەيتتى.

ھەپتىرەڭ

  • ھەپتىرەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئالىجۇقا، تۇتۇرۇقسىز.

ھەپتىلەپ

  • ھەپتىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەپتە بويى، ھەپتە ۋە ھەپتىلەر داۋامىدا؛ بىرنەچچە ھەپتە:[مىسال:] بەزى يولداشلار ئىش كىيىمىنى ھەپتىلەپ يۇمايدىكەن.

ھەپتىلىك

  • ھەپتىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەپتە داۋام قىلىدىغان، ھەپتىگە مۆلچەرلەنگەن؛ ھەپتە ئىچىدە ئىناۋەتكە ئۆتىدىغان:[مىسال:] ھەپتىلىك خىزمەت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان:[مىسال:] ھەپتىلىك يىغىن. ھەپتىلىك دەم ئېلىش. ھەپتىلىك ژۇرنال.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان پائالىيەت:[مىسال:] كىنو ھەپتىلىكى.

ھەپتىيەك

  • ھەپتىيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] قۇرئان سۈرىلىرىدىن تاللانغان، قۇرئاننىڭ يەتتىدىن بىر قىسمىغا تەڭ ھەجىمدىكى ئېلىپبەدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان كىچىك كىتاب.

ھەپسە

  • ھەپسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قاماق، تۈرمە، سولاق:[مىسال:] ھەپسىگە چۈشمەك. ھەپسىگە ئالماق. ھ

ھاي-ھۇي

  • ھاي-ھۇي[يەشمىسى:] ھاي ۋە ھۇي:[مىسال:] 2-گۇرۇپپى يامان؛ تويماس.

ھەپسىخانا

  • ھەپسىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] تۈرمە، سولاقخانا.

ھەپسىلە

  • ھەپسىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاتىرجەملىك، تىنچلىق ئارامبەخشلىك، كەيپ:[مىسال:] تۇرسۇن ھەپسىلىسىنى يوقاتقان ئادەمدەك، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ھالدا ئولتۇراتتى.

ھەپسىلىسى پىر بولماق

  • ھەپسىلىسى پىر بولماق[يەشمىسى:] خاتىرجەمسىزلەنمەك، ئارامى بۇزۇلماق، كەيپسىزلەنمەك.

ھەپشىمەك

  • ھەپشىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەسنىمەك.[يەشمىسى:] ② چۈشكۈرمەك.

ھەپىرەڭ

  • ھەپىرەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «نامازشامگۈل»گە قاراڭ.

ھەپىلەشمەك

  • ھەپىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ۋاقىتنى بىرەر ئىش بىلەن ئۆتكۈزمەك؛ بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللانماق، مەشغۇل بولماق:[مىسال:] بۇرۇتلۇق يىگىت تراكتور كوزۇپىنىڭ كەينى قانىتى بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② ئېيتىشماق، قېرىشماق:[مىسال:] نامەتلەر شۇ كۈنى كۈن بويى مۆمىن ئاكا بىلەن ھەپىلەشتى. لېكىن توغرا ۋە ئىرادىلىك مۆمىن ئاكىنى ئۇلار بويسۇندۇرالمىدى.

ھەپىلەك

  • ھەپىلەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھىيلىگەر، ئالدامچى، قۇۋ.[يەشمىسى:] ② يايپاڭ، يېنىك ۋە ئىچىگە جىق نەرسە سىغمايدىغان (چىنە ھەققىدە):[مىسال:] ھەپىلەك چىنە.

ھەتتا

  • ھەتتا[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچى نەزىرىدە مەلۇم ئىش-ھەرىكەتتىن ئىش-ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر ئاشۇرۇپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] كەلگۈسىدە جىگەر، بۆرەك، يۈرەك قاتارلىق ئورگانىزملارنى ھەتتا تىرىك ئادەملەرنى توڭلىتىپ ساقلىغىلى بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ نۇقتا قىلىنغان بۆلىكىنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ، شۇ بۆلەكنىڭ ئىلگىرىلەپ ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە كۆپىنچە شۇ مەنىدىكى «-مۇ» يۈكلىمىسى بىلەن ماسلىشىپ كېلىدۇ:[مىسال:] ئۇلار خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەتتا جېنىنىمۇ ئايىمىدى.

ھەتتاكى

  • ھەتتاكى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] «ھەتتا» سۆزىنىڭ كۈچەيتىلگەن شەكلى:[مىسال:] ئادەملەر، ھايۋانلار، ھەتتاكى ئۆسۈملۈكلەرمۇ، بۇ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

ھەتتەڭ

  • ھەتتەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① ئەپسۇسلۇق ئىماسنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەتتەڭ، تەگمەي قالدى-دە.[يەشمىسى:] ② تەقەززالىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەتتەڭ، ئەمدى چىقسا بولاتتى.

ھەتتەڭەي

  • ھەتتەڭەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «ھەتتەڭ»گە قاراڭ.

ھەتتەمشا

  • ھەتتەمشا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پوچى، تەكەببۇر، ھاكاۋۋۇر.

ھەج

  • ھەج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە شەھىرىگە بېرىپ، زۇلھەججە ئېيىدا بەلگىلەنگەن قائىدە ۋە ئادەتلەرگە ئەمەل قىلغان ھالدا كەبىنى تاۋاپ ۋە زىيارەت قىلىشى:[مىسال:] ھەج قىلماق. ھەجگە بارماق. ھەج سەپىرى.

ھەجەڭگە

  • ھەجەڭگە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىلەڭگۈچ.

ھەجۋ

  • ھەجۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ياكى كىشىلەردىكى كەمچىلىك، يېتىشسىزلىكلەرنى زاڭلىق قىلىپ، مەسخىرىلەپ، كۈلكىلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ يېزىلغان بەدىئىي ئەسەر؛ ساتىرا:[مىسال:] ھەجۋ قىلماق.

ھەجۋىي

  • ھەجۋىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەجۋ يولى بىلەن تەسۋىرلەنگەن، ھەجۋ قىلىپ يېزىلغان ياكى سىزىلغان:[مىسال:] ھەجۋىي تىياتىر. ھەجۋىي شېئىر. ھەجۋىي رەسىم.

ھەجۋىيچى

  • ھەجۋىيچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەجۋىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، ساتىرىچى.

ھەجۋىيلەشتۈرمەك

  • ھەجۋىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ھەجۋىيلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قاسىم رەسىمنى تولىمۇ ھەجۋىيلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

ھەجۋىيلەشتۈرۈشمەك

  • ھەجۋىيلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ھەجۋىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھەجۋىيلەشتۈرۈلمەك

  • ھەجۋىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ھەجۋىيلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھەجۋىيلەشمەك

  • ھەجۋىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەجۋىي تۈس ئالماق، ھەجۋىي تۈسكە كىرمەك:[مىسال:] ھېكايىدىكى ۋەقەلىك تولىمۇ ھەجۋىيلىشىپ كەتكەنىدى.

ھەجۋىيلىك

  • ھەجۋىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەجۋىي تۈسكە ئىگە بولغان ھالەت خاراكتېر، مەسخىرىلىك:[مىسال:] ھەجۋىيلىكى كۈچلۈك ئەسەرلەرنى يارىتايلى

ھەجىلەتمەك

  • ھەجىلەتمەك[يەشمىسى:] «ھەجىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھەجىلەشمەك

  • ھەجىلەشمەك[يەشمىسى:] «ھەجىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى ھەجىلىشىپ ئوقۇشقا باشلىدى.

ھەجىلەنمەك

  • ھەجىلەنمەك[يەشمىسى:] «ھەجىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھەجىلىمەك

  • ھەجىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] سۆزىنى بوغۇملارغا ياكى ئايرىم قىسىملارغا بۆلۈپ بىرمۇبىر تەلەپپۇز قىلماق:[مىسال:] ئۇ سۆزنىڭ ھەربىر بوغۇمىنى ئايرىم-ئايرىم ھەجىلەپ ئوقۇدى.

ھەجىم (ھەجمى)

  • ھەجىم (ھەجمى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر جىسىمنىڭ بوي، ئەن ۋە ئېگىزلىك جەھەتتىكى چوڭ-كىچىكلىكى؛ بوشلۇقتا ئىگىلەپ تۇرغان ئورنى. ئادەتتە كۇب ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ:[مىسال:] بىنانىڭ ھەجمى. ياغاچنىڭ ھەجمى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىدىش ياكى بوشلۇقنىڭ قانچىلىك نەرسە سىغدۇرالايدىغانلىقى، سىغىمى، ئىچىنىڭ چوڭلۇق دەرىجىسى:[مىسال:] قاچىنىڭ ھەجمى. قۇدۇقنىڭ ھەجمى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئومۇمەن نەرسىنىڭ كۆپ-ئازلىق دەرىجىسى، مىقدارى:[يەشمىسى:] ئىشنىڭ ھەجمى. ماقالىنىڭ ھەجمى.

ھەجىملىك

  • ھەجىملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بەلگىلىك ھەجىمدىكى ھەجىمگە ئىگە بولغان:[مىسال:] «ئون ئىككى مۇقام» چوڭ ھەجىملىك كلاسسىك مۇزىكا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھەد (ھەددى)

  • ھەد (ھەددى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر بەلگە ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئادەتتە يۈز بېرىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى، نۇقتىسى، چېكى:[مىسال:] ھەددىدىن ئاشماق. ھەددىدىن تاشقىرى. ھەددىدىن ئارتۇق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىش ھەققى، ھوقۇقى:[مىسال:] بۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەمرى، ئۆزلىرى بۇيرۇغان ئىشنى قىلماسلىققا مېنىڭ نېمە ھەددىم بار دەيلا دېدى غولام بايغا.

ھەدە

  • ھەدە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ئاچاⅠ»گە قاراڭ:[مىسال:] ئايشەم ھەدىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.

ھەددى-ھېساب

  • ھەددى-ھېساب[يەشمىسى:] ھېسابى، سان-سانىقى:[مىسال:] مەككار سودىگەر كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىپ تاپقان ۋەجىنىڭ ھەددى-ھېسابىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.

ھەددى-ھېسابسىز

  • ھەددى-ھېسابسىز[يەشمىسى:] سان-سانىقى يوق، سان-ساناقسىز، چەكسىز:[مىسال:] ئۇنى قوغلاۋاتقان ئادىلنىڭ قەلبىدە ھەددى-ھېسابسىز ئۆچلۈك، قىساس يىغىلغانىدى.

ھەدىس

  • ھەدىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، پائالىيىتى ۋە كۆرسەتمىلىرى توپلىمى.

ھەدىلىك

  • ھەدىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەدىسى بار، ھەدىگە ئىگە.

ھەدىيە

  • ھەدىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەقدىم قىلىنغان نەرسە، سوۋغا، تارتۇق:[مىسال:] ھەدىيە بەرمەك. ھەدىيە قىلماق.

ھەدىيىچى

  • ھەدىيىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەدىيە بەرگۈچى، ھەدىيە تەقدىم قىلغۇچى.

ھەدىيىلىك

  • ھەدىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەدىيە قىلىنىدىغان نەرسە:[مىسال:] ھەدىيىلىك ئالماق. ھەدىيىلىك ئەكەلمەك.

ھەر

  • ھەر[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] كۆزدە تۇتۇلغان بىر خىل نەرسىلەرنى ۋە ئادەملەرنى بىر-بىردىن تەكىتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ھەر كىشى. ھەر باھار. * ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] «بىر» سۆزى بىلەن بىرىكىپ[يەشمىسى:] ، مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ ھەربىرىنى ياكى بىردىن يۇقىرى سانلار بىلەن بىرىكىپ، مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ شۇ سان ئىچىدىكى بىرلىكلىرىنىڭ ھەربىرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەربىر ئوقۇغۇچى بىر پارچىدىن ماقالە يازدى. * بۇ دورىنى ھەر تۆت سائەتتە بىر قېتىم ئىچىسىز. * ھەر سەككىز كۈندە بىر نۆۋەت بارىمەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۆپىنچە كۆپلۈكتىكى ئىسىم ئالدىغا كېلىپ، ئاشۇ ئىسىمدىن ئىپادىلەنگەن ئادەم ياكى نەرسىنى ماختاپ، ئاشۇرۇپ ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۆيىدە ھەر كىتابلار بار. * پېلەكلەرگە ھەر يوغان تاۋۇزلار چۈشكىلى تۇردى. [يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ۋاقىت-سائەت ۋە جاي، تەرەپ مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ، پەيت ۋە ئورۇننى بىلدۈرگۈچى قوشما رەۋىشلەرنى ياسايدۇ:[مىسال:] ھەر مەھەل. ھەر يان. ھەر سەپەر.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بەزى ئىسىم ۋە سۈپەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ شۇ ئىسىم ياكى سۈپەت بىلدۈرگەن نەرسىنىڭ باشقا بىر تۈرىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەر خىل ئۆيلەر. ھەر ساھە كىشىلىرى. ھەر ياڭزا گۈللەر.

ھەر باب بىلەن

  • ھەر باب بىلەن[يەشمىسى:] ھەر تۈرلۈك، ھەر خىل ئۇسۇل، ئامال-چارە بىلەن؛ ئەپلىك پەيتنى قولدىن بەرمەي، ئەپلىك پەيتنى كۈتۈپ تۇرۇپ:[مىسال:] ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، جايلايدۇ ھەر باب بىلەن (ماقال).

ھەر تەرەپلىمە

  • ھەر تەرەپلىمە[يەشمىسى:] كۆپ جەھەتلەردىن، ئەتراپلىق:[مىسال:] شەھرىيار ئۇكىسى بىلەن ھەر تەرەپلىمە سۆھبەت قىلىپ، ئاخىرىدا دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى سوراپتۇ.

ھەر تۈرلۈك

  • ھەر تۈرلۈك[يەشمىسى:] ھەر خىل، تۈرلۈك-تۈرلۈك، خىلمۇخىل، ياڭزىمۇياڭزا.

ھەر خىل

  • ھەر خىل[يەشمىسى:] ھەر تۈرلۈك، ھەر ياڭزا، تۈرلۈك-تۈرلۈك:[مىسال:] ھەر خىل پىكىر.

ھەر دائىم

  • ھەر دائىم[يەشمىسى:] ھەممە ۋاقىت، ھەمىشە.

ھەرەⅠ

  • ھەرەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتلارنىڭ بىر خىلى. تۈرلىرى كۆپ بولىدۇ. زەھەرلىك نەشتىرى بولۇپ، ئادەملەرنى چاقىدۇ. ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ:[مىسال:] ھەسەل ھەرىسى. قاپاق ھەرە. سېرىق ھەرە.

ھەرەⅡ

  • ھەرەⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ياغاچ كېسىش ئۈچۈن پولاتتىن ياسالغان چىشلىق سايمان.[يەشمىسى:] ② بېلىقنىڭ سىرت قانىتى.

ھەرەج

  • ھەرەج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جاپا، مۇشەققەت، ئازاب:[مىسال:] ھەرەج تارتماق.

ھەرەڭ-سەرەڭ

  • ھەرەڭ-سەرەڭ[يەشمىسى:] ئاجايىپ-غارايىپ؛ كەلسە-كەلمەس، قاملاشمىغان:[مىسال:] ھەرەڭ-سەرەڭ ئىش قىلماق.

ھەرەم

  • ھەرەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مۇسۇلمانلار ھەج قىلغاندا مۇقەددەس بىلىپ تاۋاپ قىلىدىغان مەككىدىكى كەبە ھەم مەدىنىدىكى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ مەقبىرىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] خان-پادىشاھ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپدارلار خانىدانلىرىدىكى ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئۆيلەر، ھۇجرىلار:[مىسال:] ئەگەر ئىلتىپات بولسا، مەن ھەرەمگە كىرىپ مەلىكەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى.

ھەرەمئاغىسى

  • ھەرەمئاغىسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھەرەم+ئاغا+سى[[يەشمىسى:] خان-پادىشاھ سارايلىرىدا خوتۇن-قىزلارنى كۆزىتىشكە مەسئۇل ئەمەلدار.

ھەرەمباغ

  • ھەرەمباغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھەرەم+باغ[[يەشمىسى:] خان-پادىشاھلارنىڭ سەيلى-تاماشاسى ئۈچۈن خان سارايلىرى ئىچىدە بەرپا قىلىنغان خىلمۇخىل مېۋىلىك دەرەخ ۋە ياڭزىمۇياڭزا گۈل-گىياھلار ئۆستۈرۈلگەن باغ.

ھەرەمخانا

  • ھەرەمخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] خان-پادىشاھلارنىڭ ۋە بەزى ئالاھىدە ھوقۇقلۇق يۇقىرى مەنسەپدارلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان جاي.

ھەرەمگاھ

  • ھەرەمگاھ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① خان-پادىشاھلار دەم ئالىدىغان، راھەتلىنىدىغان جاي.[يەشمىسى:] ② ھەرەمدەك مۇقەددەس جاي.

ھەربىر

  • ھەربىر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+بىر[[يەشمىسى:] مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ مۇئەييەن بىرى:[مىسال:] ھەر بىر ئادەم. ھەربىر كەنت.

ھەربىرلىرى

  • ھەربىرلىرى[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+بىر+لار+ى[[يەشمىسى:] باشقىلارنى ھۆرمەتلەپ ئېيتىلىدىغان مۇراجىئەت فورمىسى:[مىسال:] بۇ مەسىلىگە ھەربىرلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى قانداقكىن؟

ھەربىي

  • ھەربىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇشقا ئالاقىدار؛ ئۇرۇش، جەڭ ئىشلىرى بىلەن باغلانغان:[مىسال:] ھەربىي ئەسىر. ھەربىي سىر. ھەربىي مەخپىيەتلىك. ھەربىي ھالەت. ھەربىي ئىستېھكام.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۇرۇشقا لازىملىق، ئۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان؛ ئارمىيىگە ئائىت:[مىسال:] ھەربىي زاۋۇت. ھەربىي كېمە. ھەربىي ئايروپىلان.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارمىيىدىكى كىشى، ئارمىيە خىزمەتچىسى:[مىسال:] دوختۇرخانىدا نېمە قىلىپ يۈرىسىز دېدى ئۇ ھەربىي.

ھەربىي رايون

  • ھەربىي رايون[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىغا ئاساسەن بۆلۈنگەن رايون. ئۇنىڭدا رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر رايون ئىچىدىكى ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىش، تەلىم-تەربىيە، سىياسىي، ئارقا سەپ ئىشلىرى، مۇھاپىزەت ئىشلىرى، ھەربىي خىزمەت ۋە خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

ھەربىي سەپ

  • ھەربىي سەپ[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ھەربىي قىسىم؛ ئارمىيە:[مىسال:] ھەربىي سەپتىن قايتىش.

ھەربىي مەشىق

  • ھەربىي مەشىق[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] قورال ئىشلىتىش ۋە ئۇرۇش قىلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە قىلىنىدىغان مەشىق.

ھەربىي ھالەت

  • ھەربىي ھالەت[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] دۆلەتتە ئۇرۇش ياكى پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بەرگەندە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ياكى مەلۇم بىر رايوندا قوللىنىلىدىغان جىددىي تەدبىر.

ھەربىي ئۆزگىرىش

  • ھەربىي ئۆزگىرىش[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيىنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشى.

ھەربىي يۈرۈش

  • ھەربىي يۈرۈش[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئۇرۇش قىلىش داۋامىدىكى يۈرۈش.

ھەربىيچە

  • ھەربىيچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەربىيلەرگە خاس، ھەربىيلەرگە ئوخشاش، ھەربىيدەك:[مىسال:] ھەربىيچە كىيىم.

ھەربىيلەشتۈرمەك

  • ھەربىيلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ھەربىيلەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھەربىيلەشتۈرۈلمەك

  • ھەربىيلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ھەربىيلەشتۈرمەك»پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھەربىيلەشمەك

  • ھەربىيلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھەربىي شارائىت ۋە ھەربىي تۈزۈمگە ماسلاشماق:[مىسال:] بىز ئۇ كۈنلەردە يېتىپ-قوپۇش ۋە ئىنتىزامدا راستتىنلا ھەربىيلەشكەنىدۇق.[يەشمىسى:] ② ھەربىي قاتارىغا ئۆتمەك، ھەربىي بولماق:[مىسال:] ئۇنىڭ كىيىملىرى، مېڭىش تۇرۇشدىن ھەربىيلەشكەن سىياقى بىلىنەتتى[يەشمىسى:] ③ ھەربىيلەر ۋە ھەربىي كۈچلەر مەۋجۇت بولماق؛ ھەربىيلەر ئورۇنلاشماق:[مىسال:] جىددىي توقۇنۇش چېگرادىكى ھەربىيلەشكەن رايونلارنى پەيدا قىلدى.

ھەربىيلىك

  • ھەربىيلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش، ھەربىي خىزمەت:[مىسال:] مەن ھەربىيلىكتە ئۈچ يىل تۇردۇم.

ھەرپ

  • ھەرپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] ئېلىپبەلىك يېزىقنىڭ ئەڭ كىچىك يازما بىرلىكى. ھەرپ تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ تاۋۇشنىڭ يازما شەكلى، تاۋۇش ھەرپ ئىپادىلەيدىغان مەزمۇندۇر:[مىسال:] باسما ھەرپ. باش ھەرپ. كىچىك ھەرپ. ھەرپ تىزماق.

ھەرپلىك

  • ھەرپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرپى بار، ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدىغان:[مىسال:] ھەرپلىك يېزىق.

ھەرپمۇھەرپ

  • ھەرپمۇھەرپ[يەشمىسى:] بىر ھەرپ-بىر ھەرپتىن؛ بىر ھەرپنىمۇ قالدۇرماي:[مىسال:] ئايگۈل خەتنى ھەرپمۇھەرپ يېزىشقا كىرىشتى.

ھەرراس

  • ھەرراس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دېھقان.

ھەرقاچان

  • ھەرقاچان[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+قانچە[[يەشمىسى:] ① «ھەرقانداق ۋاقىتتا»، «ھەرقانداق چاغدا»، «ھەر دائىم»، «ھەمىشە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەرقاچان تەييار تۇرماق. ھەرقاچان ئەستە تۇتماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] «بەلكى»، «ئېھتىمال» دېگەن مەنىلەردە يۈكلىمە رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] سىلەرنىڭ ئەترەت كەمبەغەل، ھەرقاچان نەق پۇلى يوقتۇ

ھەرقانچە

  • ھەرقانچە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+قانچە[[يەشمىسى:] شۇنچە، ھەددىدىن تاشقىرى، بار ئامال بىلەن:[مىسال:] شەۋكەت ھەرقانچە خىيال قىلىپمۇ زادىلا ئەسلىيەلمىدى.

ھەرقانداق

  • ھەرقانداق[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+قانداق[[يەشمىسى:] خىلمۇخىل ئىش-ھەرىكەت ياكى بەلگىلەرنىڭ خالىغان بىرىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] ھەرقانداق تاسادىپىيلىقنىڭمۇ تەبىئىيلىكى بار.

ھەرقانداق بولسا

  • ھەرقانداق بولسا[يەشمىسى:] نېمىلا بولمىسۇن، نېمىلا بولغان بىلەن، نېمىلا دېگەنبىلەن؛ ھەر ھالدا:[مىسال:] ھەرقانداق بولسا مەنمۇ ئانىڭىز، چېچىڭىزنى يۇيۇپ-تاراپ قوياي، دەپتۇ ئانا قىزغا.

ھەرقانداق قىلغان بىلەن

  • ھەرقانداق قىلغان بىلەن[يەشمىسى:] ھەرقانداق چارە-ئامال قىلىپ باقسىمۇ، ھەرقانچە كۈچىسىمۇ، ئۇ ئۆزىمۇ ھەرقانداق قىلغىنى بىلەن ھامان ھالاكەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يەتكەنىدى.

ھەرقايسى

  • ھەرقايسى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+قايسى[[يەشمىسى:] مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ ھەربىرى:[مىسال:] ھەرقايسى تاغلاردىن ئونلاپ-يىگىرمىلەپ ئادەملەر كېلىپ توپلىنىشقا باشلىدى.

ھەرقەيەر

  • ھەرقەيەر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+قەيەر[[يەشمىسى:] ھەرقايسى يەر، ھەرقايسى ئورۇن، ھەرقايسى جاي:[مىسال:] يىغىندا ھەرقەيەردىن كەلگەنلەر بار ئىدى.

ھەرقىسما

  • ھەرقىسما[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+قىسما[[يەشمىسى:] ھەرخىل، تۈرۈلۈك-تۈرلۈك، خىلمۇخىل ھەم غەلىتە، قىسما-قىسما:[مىسال:] ھەرقىسما خىيال قىلماق.

ھەركىم

  • ھەركىم[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+كىم[[يەشمىسى:] مەلۇم كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق بىرى، ھەربىر كىشى:[مىسال:] ھەركىم بارغا باتۇر (ماقال).

ھەرگىز

  • ھەرگىز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] پەقەت، زادى، ئەسلا؛ قەتئىي:[مىسال:] ئۇ ئەمدى ئۆزىنى ھەرقانچە ئەيىبلىگەن بىلەنمۇ بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەرگىز ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

ھەرنېمە

  • ھەرنېمە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+نېمە[[يەشمىسى:] ھەرقانداق نېمە، ھەرقانداق نەرسە:[مىسال:] بولسا ھەرنېمە ئوخشايدۇ (ماقال). * بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە چىدايمەن. ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەنمەن.

ھەرنېمە بولسا

  • ھەرنېمە بولسا[يەشمىسى:] ھەرقانداق شارائىتتىمۇ، ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ، ئىش قىلىپ، ھەرھالدا:[مىسال:] ھەرنېمە بولسا ياراتقان ئىگەم مېنى سىلىگە ئۇچراشتۇرۇپتۇ.

ھەرنېمە دېمەك

  • ھەرنېمە دېمەك[يەشمىسى:] خالىغانچە سۆزلىمەك، ئاغزىغا نېمە كەلسە شۇنى دېمەك:[مىسال:] ئۇنىڭسىزمۇ بالا بولغاندا ئېرىدىن ئاجراشسا خەقلەر ھەرنېمىلەرنى دېيىشى مۇمكىن ئىدى.

ھەر نېمە قىلىپ

  • ھەر نېمە قىلىپ[يەشمىسى:] بارلىق چارە-ئۇسۇللارنى ئىشقا سېلىپ، تەدبىر قوللىنىپ.

ھەرھالدا

  • ھەرھالدا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[قۇرۇلمىسى:]]ھەر+ھالدا[[يەشمىسى:] قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىش قىلىپ:[مىسال:] ھەرھالدا بۇ قېتىمقى ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

ھەر-ھەر

  • ھەر-ھەر[يەشمىسى:] كۆپلۈك قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، شۇ سۆزدە ئىپادىلەنگەن ئادەم ياكى ئىش-ھەرىكەتنى ماختاش، ئاشۇرۇش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ھەر-ھەر ئىشلارنى قىلماق.

ھەرىكەت

  • ھەرىكەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنىڭ ئەسلىدىكى تىنچ ھالەتتىن ئۆزگىرىشى؛ قىمىرلىشى:[مىسال:] قول-پۇت ھەرىكىتى. ھەرىكەتتىن توختىماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىملارنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىش ھادىسىسى. ئادەتتە بىر جىسىم بىلەن باشقا جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى نىسبىي ئورۇن يۆتكىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشقا كىرىشىش، بىرەر نەرسە قىلىشقا ئۇرۇنۇش؛ ئىنتىلىش، تىرىشىش، تەرەددۇت:[مىسال:] قېچىشقا ھەرىكەت قىلماق.[يەشمىسى:] ④ ئەمەلىيەت؛ قىلىق؛ يۈرۈش-تۇرۇش:[مىسال:] سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇش. قانۇنسىز ھەرىكەت.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] تەبىئەتتە شۇنداقلا پۈتكۈل ئالەمدە يۈز بېرىدىغان بارلىق ئۆزگىرىش ۋە جەريانلار.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەسىرى چوڭراق بولغان ئاممىۋى ئىجتىمائىي پائالىيەت؛ ئىنقىلاب:[مىسال:] 4 ماي ھەرىكىتى. مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى. ئىشچىلار ھەرىكىتى. دېھقانلار ھەرىكىتى.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] سەپەرۋەرلىك:[مىسال:] ھەرىكەتكە كەلمەك. ھەرىكەتكە كەلتۈرمەك.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەدبىر، ئامال-چارە:[مىسال:] ئەگەر پارتكوم بۇ قېتىم دادىل ھەرىكەت قوللانمايدىغان بولسا، ناھىيىنىڭ پۈتۈن ئىشىغا ياخشى رەھبەرلىك قىلالمايدۇ.

ھەرىكەتچان

  • ھەرىكەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان؛ ئورنى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] ھەرىكەتچان ھۈجەيرە. ھەرىكەتچان ئوق. ھەرىكەتچان غالتەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غەيرەتلىك، ئىشچان، پائالىيەتچان:[مىسال:] ئۇ تولىمۇ ھەرىكەتچان ئادەم بولغانلىقتىن يالغۇز ئۆزى ئىشلەپ شۇنچە ئادەمنى بېقىپ كەلگەنىدى.

ھەرىكەتچانلىق

  • ھەرىكەتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان ھالەت؛ پائالىيەتچانلىق.

ھەرىكەتسىز

  • ھەرىكەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرىكىتى يوق، ھەرىكەت قىلمىغان، جىم:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەرىكەتسىز كۆزلىرىدىن ھېچقانداق ئىپادىنى بىلگىلى بولمايتتى. ∥ مۇشۇنداق ھەرىكەتسىز يېتىۋەرسەك، ئۇزۇنغا قالماي ئوزۇق-ئوقەتمۇ تۆگەيدۇ

ھەرىكەتسىزلىك

  • ھەرىكەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرىكەت قىلماسلىق، جىملىق:[مىسال:] ئۇنىڭدا سۇس ھەرىكەتسىزلىك ھۆكۈم سۈرەتتى.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ

  • ھەرىكەتلەندۈرگۈچ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان، ھەرىكەتلەندۈرىدىغان:[مىسال:] ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

ھەرىكەتلەندۈرمەك

  • ھەرىكەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ھەرىكەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.ھ

ھەرىكەتلەندۈرۈشمەك

  • ھەرىكەتلەندۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «ھەرىكەتلەندۈپېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھەرىكەتلەندۈرۈلمەك

  • ھەرىكەتلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ھەرىكەتلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھەرىكەتلەنمەك

  • ھەرىكەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ھەرىكەتكە كەلمەك، ھەرىكەت قىلماق، قوزغالماق:[مىسال:] تراكتورنىڭ ماتورى ھەرىكەتلەندى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ھەرىكەت ئېلىپ بارماق، بىرەر پائالىيەتنى قىلماق، ئىشقا كىرىشتۈرمەك. سەپەرۋەرلىككە كەلمەك:[مىسال:] ئامما تولۇق ھەرىكەتلەندى.

ھەرىكەتلىك

  • ھەرىكەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەرىكەت قىلىدىغان.

ھەرىلەتمەك

  • ھەرىلەتمەك[يەشمىسى:] «ھەرىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ياغاچ ھەرىلەتمەك.

ھەرىلەشمەك

  • ھەرىلەشمەك[يەشمىسى:] «ھەرىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھەرىلەنمەك

  • ھەرىلەنمەك[يەشمىسى:] «ھەرىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھەرىلىمەك

  • ھەرىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەرە سالماق، ھەرە بىلەن كەسمەك:[مىسال:] ياغاچ ھەرىلىمەك.

ھەزەر

  • ھەزەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزىنى تارتىش، ساقلىنىش؛ ئېھتىيات:[مىسال:] ھەزەر ئەيلىمەك. ھەزەر قىلماق.

ھەزرەت

  • ھەزرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆپىنچە «ھەزرەتلىرى» شەكلىدە ئۇلۇغلاش، ھۆرمەتلەش مەنىسىدە كېلىدۇ:[مىسال:] پادىشاھ ھەزرەتلىرى.[يەشمىسى:] ② ھۆرمەت يۈزىسىدىن بەزى شەخسلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ تەخەللۇسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ئېلى ھەزرەت. ئىسمائىل ھەزرەت.[يەشمىسى:] ③ قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاپاق خوجا مازىرى جايلاشقان يېزىنىڭ نامى.

ھەزرىتى

  • ھەزرىتى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] شەخسلەرنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] بۇ بېشىمغا چۈشتى سەۋدا، مەدەت قىل ھەزرىتى مۇسا، ئاشىقلار پىرى يۈسۈپ-زىلەيخا، غېرىبنى ساڭا تاپشۇردۇم.

ھەزىل

  • ھەزىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ساتىرىك گەپ سۆز ياكى كومېدىيىلىك ئىش-ھەرىكەت، چاقچاق:[مىسال:] تۆمۈرچى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىپ، ئازابلاۋاتقان بېلىنى رۇسلىۋېلىپ ھەزىلگە ھەزىل بىلەن جاۋاب بەردى.

ھەزىلەك

  • ھەزىلەك[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاياللارغا ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئەر، ھېجىقىز، كۆت، بەچچە:[مىسال:] ھىم، ئۇنىمۇ ئەر دېگىلى بولامدۇ ئۇ ئۇسسۇلچى ھەزىلەكقۇ دېدى زەمزەمقارى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆز سۆزى، ۋەدىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، بىرەر ئىشنى بېجىرىش قولىدىن كەلمەيدىغان؛ نامەرد:[مىسال:] تازىمۇ بىر ھەزىلەك ئىكەنسەن. مەن سېنى يىگىت دەپ قاراپ گېپىڭگە ئىشىنىپتىمەن، دېدى سەمەت ئۇنىڭغا.

ھەزىلەكلىك

  • ھەزىلەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەزىلەكلەردەك قىلىق ۋە خۇسۇسىيەت:[مىسال:] ھەزىلەكلىك قىلماق.

ھەزىلكەش

  • ھەزىلكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەزىل قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ھەزىل قىلىشقا ئامراق، ھەزىل قىلىشقا ئۇستا كىشى؛ چاقچاقچى.

ھەزىلكەشلىك

  • ھەزىلكەشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەزىل قىلىشقا ئامراقلىق، ھەزىل قىلىشقا ماھىرلىق.

ھەزىللەشمەك

  • ھەزىللەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەزىل قىلشماق؛ قىزىق، كۈلكىلىك گەپلەرنى قىلىشىپ، ئويناشماق، چاقچاقلاشماق:[مىسال:] قىزچاق دەيمۇ، رەيھان دەيمۇ ئەمدى سىزنى ھەزىللەشمەڭ، ئاگرانوم قىز دەيسىز ئەمدى.

ھەزىم

  • ھەزىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېمەكلىكنىڭ ئاشقازاندا سىڭىشى، ئورگانىزمدا ئۆزلىشىشى:[مىسال:] ھەزىم بولماق. ھەزىم قىلماق.

ھەزىم قىلماق

  • ھەزىم قىلماق [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>فىزىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋانلار ئۆز تېنىدە ئوزۇقلۇقلارنى فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك روللار ئارقىلىق سۇدا ئاسان ئېرىيدىغان، شۇنىڭدەك ئورگانىزم شۈمۈرەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزلەشتۈرمەك، چوڭقۇر ھەم پىششىق بىلىۋالماق، ئورناشتۇرماق، ياخشى بىلمەك:[مىسال:] ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدا بىر دەرسنى ئۆتكەن ياخشى. ئەگەر بىر قېتىمدا دەرس كۆپ ئۆتۈلۈپ كەتسە ھەزىم قىلغىلى بولمايدۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چۈشەنمەك، تېگىگە يەتمەك:[مىسال:] ئۇ دېگەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ ئوقۇمىغان خوتۇن، شۇڭا بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا دېگەن بىلەن ھەزىم قىلالمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى دېمىگەن تۈزۈك.

ھەزىم قىلىش سىستېمىسى

  • ھەزىم قىلىش سىستېمىسى[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ئادەم ۋە ھايۋانلار تېنىدىكى ئېغىز بوشلۇقى، قىزىل ئۆڭگەچ، ئاشقازان، كىچىك ئۈچەي، چوڭ ئۈچەي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان سىستېما. ئادەتتە ئۇ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇقنى شۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ھەسەت

  • ھەسەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى، ئۈستۈنلۈكىنى كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسى؛ كۆرەلمەسلىك، ئىچى تارلىق:[مىسال:] ھەسەت قىلماق.

ھەسەتخور

  • ھەسەتخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا ھەسەت قىلىدىغان، كۆرەلمەس، ئىچى تار؛ چىدىماس:[مىسال:] ھەسەتخور ۋەزىر. * قورقۇنچاق سەھەتخور بولار، نامەرد قەسەمخور بولار (ماقال).

ھەسەتخورلۇق

  • ھەسەتخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ھەسەت قىلىش، كۆرەلمەسلىك، ئىچى تارلىق.

ھەسەل ھەرىسى

  • ھەسەل ھەرىسى[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل ھاشارات. تېنىنىڭ يۈزىدە ناھايىتى زىچ تىۋىت تۈكچىلەر بولىدۇ. ئالدىنقى قانىتى ئارقا قانىتىدىن چوڭ، ئەركىكىنىڭ سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى سەل ئىىك نەشتىرى بولىدۇ. ئادەمنى چاقىدۇ ۋە توپلىشىپ ياشايدۇ. ئىشچى ھەرە گۈل ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرىدۇ.

ھەسەلچى

  • ھەسەلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەسەل ئېلىپ-ساتقۇچى ياكى ھەسەل ھەرىسى بېقىپ، ھەسەل ئىشلەپچىقارغۇچى كىشى.

ھەسەلچىلىك

  • ھەسەلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەسەل ھەرىسى بېقىپ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كەسپى.

ھەسەلدان

  • ھەسەلدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھەسەل ھەرىسىنىڭ قىزىلئۆڭگىچى ئاخىرىدىكى گۈل شىرنىسىنى ساقلايدىغان پوكىنى.[يەشمىسى:] ② ھەسەل ساقلايدىغان ياكى ھەسەل ئالىدىغان كىچىك قاچا.

ھەسەن-ھۈسەن

  • ھەسەن-ھۈسەن[كەسىپ تۈرى:]>مېتېئورولوگىيە<[يەشمىسى:] ئاتموسفېرادىكى بىر خىل نۇر ھادىسىسى، يەنى قۇياش نۇرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئۇششاق سۇ تامچىلىرى ئارىسىدىن ئۆتكەندە سۇنۇشى ۋە قايتىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان رەڭلىك ياي. سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ قىزىل، ئاپېلسىن رەڭ، سېرىق، يېشىل، كۆك، قارا كۆك ۋە بىنەپشە رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئادەتتە قۇياشقا ئۇدۇل يۆنىلىشتە پەيدا بولىدۇ.

ھەسرەت

  • ھەسرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] روھىي ئازاب، غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم:[مىسال:] ھەسرەت چەكمەك.

ھەسرەتسىز

  • ھەسرەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەسرىتى يوق، ھەسرىتى قالمىغان:[مىسال:] داۋاسىز دەرد بولماس، ھەسرەتسىز قېرى (ماقال).

ھەسرەتلەندۈرمەك

  • ھەسرەتلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ھەسرەتلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھەسرەتلەنمەك

  • ھەسرەتلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر كىشى ياكى نەرسە ھەققىدە ئەپسۇسلىنىپ، زارلىنىپ سۆزلىمەك؛ شىكايەت قىلماق؛ ئۆكۈنمەك.

ھەسرەتلىك

  • ھەسرەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەسرەت بىلەن تولغان، ھەسرەتنى ئىپادىلەيدىغان؛ قايغۇلۇق:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى توپىغا مىلىنىپ ياتقان گۆشنىڭ ئۈستىگە تامچىلاشقا باشلىدى.

ھەسرەتلىنىشمەك

  • ھەسرەتلىنىشمەك[يەشمىسى:] «ھەسرەتلەنمەك»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھەسرەت-نادامەت

  • ھەسرەت-نادامەت[يەشمىسى:] ھەسرەت ۋە نادامەت، روھىي ئازاب، غەم-ئەلەم، قايغۇ.

ھەسسە

  • ھەسسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ئايرىم بىر قىسمى؛ بۆلەك، ئۈلۈش:[مىسال:] ھوسۇلنىڭ تۆتتىن ئۈچ ھەسسىسى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر ساننى ئىككىنچى بىر سانغا بۆلگەندە كېلىپ چىققان بۆلۈنمە.[يەشمىسى:] ③ يېرىم:[مىسال:] سادىر شۇ ئولتۇرغىنىچە تۈن ھەسسىدىن ئاشقاندا لايىھىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ چىقتى.[يەشمىسى:] ④ مەرتە، باراۋەر:[مىسال:] ئۈچ ئاي جەريانىدا بۇ قەرز ئۈچ قاتلىنىپ، ئەسلىدىكىسىدىن ئالتە ھەسسە ئېشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ⑤ ئۈلۈش:[مىسال:] ھەسسە قوشماق. * بۇ يىلقى مۇكاپاتتا ئاناڭ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بىر كىشىلىكتىن ھەسسىسى بار.[يەشمىسى:] ⑥ شېرىك بولۇش ياكى ئەزا بولۇش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ھەق، پاي.

ھەسسىدار

  • ھەسسىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] شېرىك بولۇش ياكى ئەزا بولۇش ئۈچۈن پاي، سەرمايە قوشقۇچى.

ھەسسىدارلىق

  • ھەسسىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېگىشلىك ئۆلۈش بويىچە پاي ياكى سەرمايە قوشۇش يولى بىلەن شېرىكلىشىش:[مىسال:] ھەسسىدارلىق شېركىتى.

ھەسسىلەپ

  • ھەسسىلەپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىرقانچە ھەسسە:[مىسال:] مېنىڭ ئۇستازغا بولغان مۇھەببىتىم، ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.

ھەسسىلەنمەك

  • ھەسسىلەنمەك[يەشمىسى:] «ھەسسىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھەسسىلىك

  • ھەسسىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەسسىلەنگەن؛ ھەسسە كېلىدىغان:[مىسال:] ھەسسىلىك سان.

ھەسسىلىمەك

  • ھەسسىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] باراۋەر بىرقانچە ھەسسە قىلماق:[مىسال:] بىز تاپقىنىمىزنى ھەربىرىمىزگە باراۋەر قىلىپ تۆت ھەسسىلىدۇق.

ھەسسىنەي

  • ھەسسىنەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر ئەپسۇسلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەسسىنەي، سېمىز قوي گۆشىنى بولۇشىچە بېسىپ ئوخشىتىپ پولۇ ئەتسەك بوپتىكەن.

ھەشەم

  • ھەشەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۆلەت، داغدۇغا:[مىسال:] يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك، ھاجىلىققا ھەرەم (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئاۋارىگەرچىلىك؛ بەجانىدىللىق؛ سەرپ قىلىنغان كۈچ:[مىسال:] ھەشەم قىلماق. *ئۇ گويا شۇ كۈنى ئۆيىگە خېزىر كېلىدىغاندەك ھەشەم بىلەن تەييارلىق قىلدى.

ھەشەمەت

  • ھەشەمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كاتتا ھەشەم، سۆلەت، داغدۇغا، دەبدەبە؛ ھەيۋەت:[مىسال:] زامانىسىدا ئىلچى شەھىرى بويىچە كۆزگە چېلىققۇدەك ھەشەمىتى بار بۇ قورۇنىڭ دەرۋازىسى كۈنچىقىشقا قارايتتى.

ھەشەمەتچى

  • ھەشەمەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەشەمەتنى ياخشى كۆرىدىغان سۆلەتۋاز ئادەم.

ھەشەمەتچىلىك

  • ھەشەمەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ھەشەمەت بىلەن قىلىش؛ سۆلەتۋازلىق:[مىسال:] ھەشەمەتچىلىك قىلماق.

ھەشەمەتخور

  • ھەشەمەتخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەشەمەت قىلىشقا ئامراق؛ ھەشەمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان:[مىسال:] ئۇ بارغانسېرى بەتخەج، ھەشەمەتخور ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى.

ھەشەمەتخورلۇق

  • ھەشەمەتخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۆلەتۋازلىق، ئابرۇيپەرەسلىك.

ھەشەمەتسىز

  • ھەشەمەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەشەمىتى يوق، ھەشەمىتى بولمىغان، داغدۇغا قىلىنمىغان؛ ئاددىي:[مىسال:] جىنازا مەھەللىدىن ناھايىتى ھەشەمەتسىز، يېنىك ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇزىتىلدى.

ھەشەمەتلىك

  • ھەشەمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېلى ھەشەمىتى بار، داغدۇغىسى كۈچلۈك، دەبدەبىلىك، سۆلەتلىك؛ كۆركەم، ھەيۋەتلىك:[مىسال:] ھەشەمەتلىك شەھەر.

ھەشەمخور

  • ھەشەمخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەشەم قىلىشقا ئامراق؛ سۆلەتۋاز:[مىسال:] ئۇ ھەشەمخۇر سەپدىشىمىزمۇ ئاخىرى چاندۇردى.

ھەشەمخورلۇق

  • ھەشەمخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۆلەتۋازلىق، ئارتۇق ئاۋارىگەرچىلىك.

ھەشەم-دەرەم

  • ھەشەم-دەرەم[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا بولىدىغان ئاۋارىچىلىك ۋە چىقىم:[مىسال:] رابىخانغا يولۇققان ئادەم ياغ پۇرىتىۋەتمىسە بولمايدۇ، ئۇ ئايالنىڭ بىرمۇنچە ھەشەم-دەرەم بىلەن بولغان تەييارلىقنى بىكار قىلىۋەتكىنىنى قاراڭ

ھەشەمسىز

  • ھەشەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەشىمى يوق، ھەشەم قىلماي:[مىسال:] سادىرنىڭ ھېچبىر داغدۇغا، ھەشەمسىز ئۆتكۈزگەن ئاخىرقى سىنىقى مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

ھەشەملىك

  • ھەشەملىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەشەم قىلىنغان، سۆلەتلىك، داغدۇغىلىق، ھەيۋەتلىك:[مىسال:] ھەشەملىك توي.

ھەش-پەش

  • ھەش-پەش[يەشمىسى:] «ھەش-پەش دېگۈچە»گە قاراڭ.

ھەش-پەش دېگۈچە

  • ھەش-پەش دېگۈچە[يەشمىسى:] ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، بىردەمدىلا:[مىسال:] باغۋەن ھەش-پەش دېگۈچە قوينى چۈشەپ تەكبىر بىلەن بوغۇزلاشقا تەييارلاندى.

ھەشتار

  • ھەشتار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا، ناخشا<[يەشمىسى:] سەككىز تارىلىق بىر خىل چالغۇ ئەسۋابى.

ھەشتەرخان

  • ھەشتەرخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تال تېرەكلەر ئائىلىسىدىكى 30 مېتىر ئەتىراپىدا ئۆسىدىغان ئېگىز دەرەخ. شاخلىرى زىچ ئۆسۈپ تۈۋرۈكسىمان دەرەخ باراقسىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يوپۇرمىقى ئۈچ بۇلۇڭلۇق، تۈۋى شىنا شەكىللىك، قوۋزىقى كۈل رەڭ ئاق، يول بويىغا ئۆستۈرۈلىدىغان دەرەخلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ياغىچى چۈرۈك كېلىدۇ.

ھەشتىيەك

  • ھەشتىيەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ۋاپات بولغان ئەر كىشىنىڭ قالغان تەئەللۇقاتىنىڭ سەككىزدىن بىرى (شەرىئەت قانۇنى بويىچە بۇنى ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى ئالىدۇ).

ھەشقاللا

  • ھەشقاللا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقى، ياردىمىگە بىلدۈرۈلگەن مىننەتدارلىق، رەھمەت:[مىسال:] ھەشقاللا ئېيتماق. * سىزنىڭ بۇ ياردىمىڭىزگە ھەشقاللا.

ھەشقىپىچەك

  • ھەشقىپىچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] يۆگەي ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ياماشقۇچى غول (يۆگىمەچ غول). يوپۇرمىقى يۈرەك شەكلىدە، ئادەتتە ئۈچكە يېرىلىدۇ. ئۇزۇن ساپىقى بار، گۈل تاجىسى ۋارۇنكا شەكىللىك. ئادەتتە سۇس قىزىل، توق قىزىل، سۆسۈن كۆك، تۈۋى قىسمى ئاق رەڭدە بولىدۇ. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. مېۋىسى غوزا مېۋە، ئۇرۇقى قارا، سۈرگە دورىسى قىلىشقا بولىدۇ.

ھەق (ھەققى)

  • ھەق (ھەققى)[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرا، چىن، راست، ھەققانىي:[مىسال:] ھەق گەپ. ھەق يول. * دېھقاننىڭ ئېيتقىنى ھەق ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەقىقەت؛ ئادالەت:[مىسال:] ھەقنى كۆزلە، ھەقنى سۆزلە.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانۇن ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە توغرا كېلىدىغان ئەركىنلىك ياكى ئىمكانىيەت؛ ھوقۇق؛ ھەددى:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەيىبلەشكە ھېچقانداق ھەققى يوق.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر كىم ياكى نەرسىگە تېگىشلىك ھەسسە؛ رىزق:[مىسال:] مۇسا ئەيسادىن:[مىسال:] ئاداش، كىشىنىڭ ھەققى زادى كىشىدە قالامدۇ-قالمامدۇ دەپ سوراپتۇ.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ قىلغان ئىشى، مېھنىتى بەدىلىگە ئېلىنىدىغان پۇل، تۆلەم:[مىسال:] ئىش ھەققى، قەلەم ھەققى.⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان پۇل، تۆلەم، كىرا:[مىسال:] سۇ ھەققى. تۈگمەن ھەققى. يول ھەققى. ماشىنا ھەققى.[يەشمىسى:] ⑦ تەۋەلىكⅢشەخس ۋە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، سۆز، ماختاش، ئالقىش ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر كىمنىڭ شەنىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خۇدا ھەققى قۇدام، دېدى موماي، بۇ قېتىم گېپىمنى ئاڭلاپ قويسىلا، قالغان گەپنى كېيىن دېيىشەيلى، خوش مەن كېتەي.

ھەق تەلەپ قانۇنى

  • ھەق تەلەپ قانۇنى[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] پۇقرالار بىلەن قانۇنىي شەخسلەرنىڭ مال-مۈلۈك مۇناسىۋىتى (مەسىلەن، تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى، ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى) شۇنداقلا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان كىشىلىك غەيرىي مال-مۈلۈك ھوقۇقى (مەسىلەن، ئەمگەك، نىكاھ، ئائىلە قاتارلىقلار) بەلگىلەنگەن ھەر خىل قانۇن.

ھەقەمسايە

  • ھەقەمسايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قوشنا.[يەشمىسى:] ② دوست-بۇرادەر، ئاغىنە:[مىسال:] بۇغا ھەقەمسايىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئېچىنىپ تۇرغانىكەن.

ھەقتائالا

  • ھەقتائالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاللا.

ھەقتە

  • ھەقتە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] كۆپىنچە ئالماشلاردىن كېيىن كېلىپ سۆھبەت، مۇلاھىزە، پىكىر، قاتارلىقلارنىڭ ئوبيېكتىنى كۆرسىتىدۇ:[مىسال:] ئابدۇرازاق ئاكا نىجات بىلەن يەنە بىرھازا مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشىپ چىقىپ كەتتى.

ھەقدار

  • ھەقدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلغۇچى؛ مال-مۈلۈك ئىگىسى:[مىسال:] ئۇ چاغدا ھەقدارنىڭ ئۆي-ماكانىنى قايتۇرۇپ بېرىشى شەرت.[يەشمىسى:] ② قەرز بەرگۈچى:[مىسال:] سوتقا قەرزدار بىلەن ھەقدار بىرگە كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك شەخس، گۇۋاھچى، شاھىت:[مىسال:] بىز بۇ قانلىق پاجىئەنىڭ دەۋاگەرى، ھەقدارى ۋە كۆزەتكۈچىسى سالاھىتىمىز بىلەن ئۆز خۇلاسىمىزنى يېزىشقا ھەقلىقمىز.

ھەقدارلىق

  • ھەقدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] قەرزداردىن پۇل-مالنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى قانۇنىي تەلەپ ۋە مەلۇم ھەرىكەتنى يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى ھوقۇق.

ھەقسىز

  • ھەقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ھەقلىق ئەمەس، ناھەق:[مىسال:] مېنىڭچە ئۇنداق دېيىشكىمۇ ھەقسىزمىز.[يەشمىسى:] ② ھەق ئېلىنمايدىغان ياكى ھەق تۆلەنمەيدىغان؛ پۇلسىز:[مىسال:] ھەقسىز ئوقۇتۇش. ھەقسىز ئەمگەك.

ھەقسىزلىق

  • ھەقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ناھەقلىق:[مىسال:] ھەقىقەت پارقىرايدۇ، ھەقسىزلىق گۈم بولىدۇ.

ھەققانىي

  • ھەققانىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەقىقەتكە توغرا كېلىدىغان؛ توغرا، راست؛ ئادىلانە:[مىسال:] ھەققانىي ئىش. ھەققانىي ئۇرۇش. ھەققانىي گەپ.

ھەققانىيەت

  • ھەققانىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادىللىق، توغرىلىق، ھەقىقەت:[مىسال:] ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرماق، ھەققانىيەتنى قوغدىماق.

ھەققانىيەتپەرۋەر

  • ھەققانىيەتپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەققانىيەت تەرەپدارى، ھەققانىيەتنى ياقلايدىغان، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرىشىدىغان:[مىسال:] گومىنداڭ دائىرىلىرى دەھشەتلىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ھەققانىيەتپەرۋەر، خەلقچىللىقنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى يىرتقۇچلۇق ئەلپازى بىلەن تۇيۇقسىز قولغا ئالدى.

ھەققانىيەتچى

  • ھەققانىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادىللىقنى، ھەققانىيەتنى ياقىلىغۇچى كىشى.

ھەققانىيەتچىل

  • ھەققانىيەتچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرىدىغان، ھەققانىي ئىش قىلىدىغان، ئادالەتپەرۋەر:[مىسال:] ھەيدەرنىڭ دادىسى ھېزىم ئاكام شۇنداق ھەققانىيەتچىل، ئاق كۆڭۈل ئادەم ئىدى.

ھەققانىيەتچىللىك

  • ھەققانىيەتچىللىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش، ھەققانىيلىق:[مىسال:] ئۇ ۋاقتىدا جۇڭگو ياشلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە ھەققانىيەتچىللىكى تەرەققىيات يۆنىلىشى نۇقتىسىدىن ئىپادىلەپ بېرىلمىگەنىدى.

ھەققانىيەتسىز

  • ھەققانىيەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەقىقەتكە توغرا كەلمەيدىغان، ئادىل بولمىغان، نائادىل. توغرا ئەمەس:[مىسال:] ئۇنىڭ ھەققانىيەتسىز ھۆكۈمى مېنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى.

ھەققانىيەتسىزلىك

  • ھەققانىيەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەققانىيەتسىز ئىش قىلىش، ئادىل بولماسلىق.

ھەققانىيەتلىك

  • ھەققانىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەققانىيەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان؛ ئاساسلانغان؛ ئادىل، ھەقىقىي:[مىسال:] ئۇ ئېزىلگەنلەرگە ھەققانىيەتلىك ئۇلۇغ چېلىشنى ئۆگەتكەنىدى.

ھەققانىيلىق

  • ھەققانىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەققانىي ئىش قىلىش، توغرىلىق، ئادىللىق.

ھەققىدە

  • ھەققىدە[سۆز تۈركۈمى:] تىركەلمە.[يەشمىسى:] توغرىسىدا، توغرۇلۇق، ئۈستىدە:[مىسال:] بۇ قوشاق تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ئەنە. شۇ بايانداي ئۇرۇشى ھەققىدە توقۇلغان.

ھەقلىق

  • ھەقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىش-ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ھوقۇقلۇق؛ ھەققى بار:[مىسال:] سەن ئادەمسەن، ئۆزۈڭنى پەرىشتىدەك سىرلىق قىلىۋېلىشقا ھەقلىق ئەمەسسەن.[يەشمىسى:] ② يوللۇق، ئورۇنلۇق؛ توغرا، مۇۋاپىق:[مىسال:] مەن ئىشىنىمەن، بۇ خەت سىزنى ئادىل پىكىر قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. سىز دوستلىرىڭىزنى ھەقلىق يوسۇندا ئەيىبلىيەلەيسىز

ھەق-ناھەق

  • ھەق-ناھەق[يەشمىسى:] توغرىلىق بىلەن ناتوغرىلىق، توغرا بىلەن سەپسەتە:[مىسال:] ھەق-ناھەق ئايدىڭلاشتى.

ھەققۇۋ

  • ھەققۇۋ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ۋەج، بىسات، مال-دۇنيا.

ھەقىقەت

  • ھەقىقەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ رېئاللىق ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى توغرا ئىنكاسى؛ توغرىلىق، چىنلىق؛ ھەقىقىي ئەھۋال:[مىسال:] ھەقىقەتنى ئېيتماق. ھەقىقەتنى سۆزلىمەك.

ھەقىقەتەن

  • ھەقىقەتەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەقىقىي رەۋىشتە، راستتىنلا:[مىسال:] بوۋاينىڭ ئارزۇسى ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشتى.

ھەقىقەتپەرۋەر

  • ھەقىقەتپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغۇچى، ھەقىقەت تەرەپدارى، ئادالەتپەرۋەر.

ھەقىقەتچى

  • ھەقىقەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغۇچى، ھەقىقەتنى ياقلىغۇچى، ھەققانىيەتچى.

ھەقىقەتچىلىك

  • ھەقىقەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، ھەققانىيەتچىلىك.

ھەقىقەتسىز

  • ھەقىقەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەقىقەت ئەمەس، ئادىل بولمىغان:[مىسال:] ھەقىقەتسىز سوراق.

ھەقىقەتسىزلىك

  • ھەقىقەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەقىقەت بىلەن ئىش قىلماسلىق، ئادىلسىزلىق:[مىسال:] شۇ پەيتتە مەن قاماقتىكى ھەقىقەتسىزلىك توغرىسىدا ئويلىدىم.

ھەقىقەتلەنمەك

  • ھەقىقەتلەنمەك[يەشمىسى:] «ھەقىقەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ مەسىلە ئاخىرى ھەقىقەتلىنىپ چىقتى.

ھەقىقەتلىمەك

  • ھەقىقەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەقىقىتىنى تاپماق، ئىسپاتلىماق؛ ئېنىقلىماق:[مىسال:] تۆھمەت ھامان تۆھمەت، يالغاننى ھەقىقەتلەشكە ھامان كىشى چىقىدۇ.

ھەقىقىي

  • ھەقىقىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] راستتىنلا بار، ئەمەلىي مەۋجۇت بولغان؛ راست، چىن، توغرا:[مىسال:] ھەقىقىي ئەھۋال. ھەقىقىي ۋەقە. ھەقىقىي بەخت.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پاك، ساپ، سەمىمىي:[مىسال:] ھەقىقىي نىيەت. ھەقىقىي كۆڭۈل. * ھەقىقىي مۇھەببەت.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] راست ھالدا، چىنلىق بىلەن:[مىسال:] ئەمگىكىگە قاراپ ھەق ئېلىش ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتى.

ھەقىقىي سان

  • ھەقىقىي سان[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] راتسىئونال سان بىلەن ئىرراتسىئونال ساننىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.

ھەقىقىيلىق

  • ھەقىقىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەقىقىي بولۇش، ئەمەلىيلىك، راسلىق، توغرىلىق:[مىسال:] ۋەقەنىڭ ھەقىقىيلىكى.

ھەلⅠ

  • ھەلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئالتۇن، كۈمۈش، تۈچ ياكى قوغۇشۇن، ئاليۇمىن قېتىشمىسىنىڭ ئۇۋۇندىسىدىن ياسالغان بوياق:[مىسال:] ھەل بەرمەك.

ھەلⅡ

  • ھەلⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر تەرەپ بولۇنغان، بىر تەرەپ قىلىنغان:[مىسال:] ھەل بولماق. ھەل قىلماق.

ھەل قىلغۇچ

  • ھەل قىلغۇچ[يەشمىسى:] ھەل قىلىش رولىنى ئوينايدىغان، ئەڭ مۇھىم، نېگىزلىك:[مىسال:] ھەل قىلغۇچ باسقۇچ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە.

ھەلەپ

  • ھەلەپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۇلاغقا بېرىش ئۈچۈن ساماننى يۇيۇپ، كېپەك ياكى قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان ئوزۇقلۇق:[مىسال:] ھەلەپ ئەتمەك. ھەلەپ بەرمەك.

ھەلەك

  • ھەلەك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت بىلەن بەند، مەشغۇل، شۇ ئىشقا ئارتۇقچە ئۇرۇنغان؛ سەرسان، ئاۋارە:[مىسال:] ھەلەك، بولماق. * مەن بارالماي ھەلەك، ئۇ بارمايمەن دەپ ھەلەك (ماقال).

ھەلەكچىلىك

  • ھەلەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاۋارىچىلىك:[مىسال:] ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان قوشنىسىمۇ يىغىم-تېرىمنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۇنىڭغا قاراشقا ۋاقىت چىقىرالمىدى.

ھەلەلەڭ

  • ھەلەلەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئەخمەق، گول.

ھەلەم

  • ھەلەم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئانچە ئاز ئەمەس، خېلى؛ خېلى كۆپ:[مىسال:] ياق، تۇرسۇن شۇجىنى بىلسىلەرغۇ، ئاچچىقى ھەلەم بار، ئاسانلا تىرىكىپ قالىدۇ، دېدى ئالاقىچى كېسىپلا.

ھەلچىلىك

  • ھەلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەل بېرىش ئىشى، كەسپى.

ھەلقۇم

  • ھەلقۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئوزۇقلىنىش يولىنىڭ يۇقىرى قىسمى؛ كېكىردەك، كاناي، بوغۇز.

ھەلىيە

  • ھەلىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۆگىگە سېلىنىدىغان نوختا زەنجىرنىڭ ئۇچىغا بېكىتىلىدىغان بىر غېرىچ يىپ.

ھەم

  • ھەم[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] قوشما جۈملىلەر تەركىبىدىكى تەڭداش ئاددى جۈملىلەرنى ۋە جۈملە تەركىبىدىكى تەڭداش سۆز، سۆز بىرىكمىلىرىنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ:[مىسال:] مەن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كىتاب كۆردۈم ھەم خاتىرە يازدىم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] جۈملىدە بىرەر بۆلەكتىن كېيىن كېلىپ، ئۇنى ئىنتوناتسىيە جەھەتتىن تەكىتلەش ياكى مەنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداق چاغدا «-مۇ» يۈكلىمىسىنىڭ رولنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ھەئە، دېدى بوۋاي ھەم مېنى تونۇغاندەك بولۇپ.

ھەمەك

  • ھەمەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «ھەمەك نان»غا قاراڭ.

ھەمەك نان

  • ھەمەك نان[يەشمىسى:] نېپىزلىتىپ، يۇپقىلىتىپ ياققان نان.

ھەمەلⅠ

  • ھەمەلⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئىچىنى تازىلاش ياكى داۋالاش ئۈچۈن ئارقا يولدىن سۇ ياكى بىرەر سۇيۇقلۇق بېرىش.

ھەمەلⅡ

  • ھەمەلⅡ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] «ھەمەل بۇرجى»غا قاراڭ.

ھەمەل بۇرجى

  • ھەمەل بۇرجى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئېكلىپتىكىدىكى 12-بۇرجنىڭ بىرىنچىسى. بەلگىسى r ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى °0تىن °30 قىچە. ئەسلىي ئورنى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىگە يۆتكەلگەن، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۈم ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى نۇقتىسى «ھەمەل بۇرچىنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ھەمەلچە

  • ھەمەلچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ھەمەل، كىلىزما قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان رېزىنكە نەيچە.[يەشمىسى:] ② كىچىك بالىلارنىڭ مەقئەت ئېغىزىنى تازىلاش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان پەلكۈچ.

ھەمتاۋاق

  • ھەمتاۋاق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ بىر داستىخاندا تاماق يېگەن كىشى، ھەمداستىخان.

ھەمجەھەت

  • ھەمجەھەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىتتىپاق، ھەمكارلىشىش؛ ھەمكارلىق:[مىسال:] ھەمجەھەت بولماق.

ھەمجور

  • ھەمجور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە ماس، بىر-بىرىگە جور:[مىسال:] ھەمجور بولماق.

ھەمجىنس

  • ھەمجىنس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىر جىنسقا ئائىت، بىر جىنستىكى؛ جىنسداش:[مىسال:] ھەمجىنس ئادەم. ھەمجىنس بالا.

ھەمد

  • ھەمد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خۇدا شەنىگە ئېيتىلغان مەدھىيە، ماختاش.

ھەمداستىخان

  • ھەمداستىخان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالانغۇچى كىشى:[مىسال:] ھەمداستىخان بولماق.

ھەمدە

  • ھەمدە[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[يەشمىسى:] جۈملىدە تەڭداش ئىككى بۆلەكنى ياكى ئىككى ئاددىي جۈملىنى، بىر-بىرىگە باغلايدۇ، رولى «ھەم»، «ۋە» لەر بىلەن ئوخشاش:[مىسال:] ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەخلاقىمۇ قانۇنغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ھەمدە جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى تۇتىدۇ.

ھەمدەرد

  • ھەمدەرد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ دەردىگە، غەم-قايغۇسىغا يېتىپ، ئۇنىڭ غېمىنى يېگۈچى؛ دەردداش:[مىسال:] ھەمدەرد بولماق.

ھەمدەردلىك

  • ھەمدەردلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ دەردىگە يېتىش، دەردداشلىق:[مىسال:] دېھقان بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەمدەردلىك ئىپادىسىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا يول قويدى.

ھەمدەم

  • ھەمدەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلار بىلەن كۆپىنچە بىللە بولىدىغان، سۆھبەتلىشىدىغان، يار-يۆلەك بولىدىغان ئادەم؛ ئۈلپەت:[مىسال:] ھەمدەم بولماق.

ھەمدەم خىيال

  • ھەمدەم خىيال[يەشمىسى:] خام-خىيالنى تولا قىلىدىغان، خىيالپەرەس:[مىسال:] «ئۇنىڭدا ۋاپا يوق، ئالىمادىس كېيىن بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، بۇ ھەمدەم خىيال قورقۇنچاق بىزنى ئاۋارە قىلىشى مۇمكىن»، دەپ ئويلىدى ئۇ.

ھەمدەملەشتۈرمەك

  • ھەمدەملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ھەمدەملەشمەك»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھەمدەملەشمەك

  • ھەمدەملەشمەك[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولماق، ھەمكارلاشماق، ياردەملەشمەك.

ھەمدەملىك

  • ھەمدەملىك[مىسال:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقا يار-يۆلەكتە بولۇش، ياردەمچىلىك، ئۈلپەت:[مىسال:] ياشلىق، مۇھەببەت، تىلەكداشلىق، ھەم ئىپتىخارنىڭ تەڭداشسىز ھەمدەملىكىنى ھېس قىلدى.

ھەمدۇسانا

  • ھەمدۇسانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] تەڭرى، پەيغەمبەرلەر ياكى باشقىلارنىڭ شەنىگە ئېيتىلىدىغان مەدھىيە، ئالقىش سۆزلىرى، رەھمەت، تەشەككۈر:[مىسال:] ھەمدۇسانا ئوقۇماق. ھەمدۇسانا ئېيتماق.

ھەمراھ

  • ھەمراھ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرگە سەپەر قىلىدىغان، خىزمەت ئىشلەيدىغان ياكى بىرگە ياشايدىغان كىشى؛ ھەمسەپەر؛ يولداش:[مىسال:] ھەمراھ بولماق. ھەمراھ قىلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] پلانېتىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئاسمان جىسمى. ئۆزى نۇر تارقاتمايدۇ. مەسىلەن، ئاي يەر شارىنىڭ ھەمراھى بولغىنىغا ئوخشاش.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يولى ياكى يۆنىلىشى بىر تەرەپكە قارىتىلغان، يولى بىر:[مىسال:] ھەمراھ شامال. ھەمراھ دەرەخ. ھەمراھ ئايروپىلان.[يەشمىسى:] ④ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ھەمراھسىز

  • ھەمراھسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەمراھى، يولدىشى يوق، يەككە، يالغۇز:[مىسال:] ھەمراھسىز سەپەرگە چىقماق.

ھەمراھلاشماق

  • ھەمراھلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەمراھ بولماق.

ھەمراھلىق

  • ھەمراھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەمراھ بولۇش، يولداشلىق.

ھەمزە

  • ھەمزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەرەب ئېلىپبەسىدە بوغۇز تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە ().

ھەمسات

  • ھەمسات[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىردەم، دەرھال، شۇئان، شۇ دەم.

ھەمسەپەر

  • ھەمسەپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىللە سەپەر قىلغان ئادەم، سەپەرداش:[مىسال:] ھەمسەپەر بولماق.

ھەمسورۇن

  • ھەمسورۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن بىر سورۇندا، بىر داستىخاندا بىللە بولغان كىشى:[مىسال:] ھەمسورۇن بولماق.

ھەمسۆھبەت

  • ھەمسۆھبەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر سورۇندا بىللە سۆھبەتلەشكەن، سۆھبەتتە بىللە بولغان كىشى؛ سۆھبەتداش:[مىسال:] ھەمسۆھبەت بولماق.

ھەمشەھەر

  • ھەمشەھەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىر شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، بىر يۇرتلۇق.

ھەمشېرىك

  • ھەمشېرىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن بىرەر ئىشتا شېرىكلەشكەن ياكى شېرىكلىشىدىغان كىشى:[مىسال:] ھەمشېرىك بولماق.

ھەمشىرە

  • ھەمشىرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قىز قېرىنداش:[مىسال:] گۈل سەلىمىنىڭ ئىككى ھەمشىرىسى بار ئىكەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دوختۇرخانىلاردا، بولۇپمۇ ئۇرۇش مەزگىللىرىدە يارىدارلارغا قارايدىغان، ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭىش، ئوكۇل سېلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا يادەملىشىدىغان ئايال خادىم:[مىسال:] شەپقەت ھەمشىرىسى.

ھەمشىۋا

  • ھەمشىۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] تۈگمىگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى بۆرەك شەكلىدە ياكى يۇمىلاق. گۈلى كىچىك، سۇس قىزىل رەڭلىك. يۇمران ئۇچلىرى ۋە يۇمران يوپۇرماقلىرىنى كۆكتات قىلىشقا بولىدۇ.

ھەمقەدەم

  • ھەمقەدەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەڭ بېسىلغان قەدەم؛ تەڭ ئىلگىرىلەش، تەڭ راۋاجلىنىش:[مىسال:] [مىسال:] بىر مىللەتنىڭ نامى شۇ مىللەتنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن ھەمقەدەمدۇر.

ھەمكار

  • ھەمكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى باشقىلار بىلەن بىرگە بېجىرگۈچى، ياردەملەشكۈچى:[مىسال:] پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما، سنېىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق.

ھەمكارلاشتۇرماق

  • ھەمكارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ھامكارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھەمكارلاشماق

  • ھەمكارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياردەمدە بولماق، ئۆزئارا ياردەملەشمەك.

ھەمكارلىق

  • ھەمكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، ۋەزىپە، خىزمەت قاتارلىقلارنى بىرقانچە ئادەم ياكى بىرقانچە ئورۇن ئۆزئارا ماسلىشىپ ئىشلەش ئورۇنلاش:[مىسال:] ئىقتىسادىي ھەمكارلىق.

ھەمكەسىپ

  • ھەمكەسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىركەسپتە ئىشلىگۈچى، كەسىپداش.

ھەملە

  • ھەملە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ئادەم ياكى نەرسە ئۈستىگە تاشلىنىش؛ ھۇجۇم:[مىسال:] ھەملە ئەيلىمەك. ھەملە قىلماق.

ھەممە

  • ھەممە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ تولۇق سان-مىقدارى ئورنىدا كېلىپ «بارلىق، پۈتۈن، پۈتكۈل، جىمى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھازىر ئۇنىڭ ئۆيىدە كىچىك تراكتور، ۋېلىسىپىت، ھارۋا، ئۈنئالغۇ... ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە بار.[يەشمىسى:] ② «خىلمۇخىل» ياكى «ھەرقانداق» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدۇ.

ھەممە قازاندا قاينىماق

  • ھەممە قازاندا قاينىماق[يەشمىسى:] تۇرمۇشنىڭ ھەممە ئاچچىق-چۈچۈكىنى تېتىماق، ھەممە ياخشى-يامان يوللاردا ماڭماق:[مىسال:] ئۇ ياش چېغىدىلا ھەممە قازاندا قايناپ چىققانىدى، شۇنداق بولغاچقىمۇ بەزى قىيىنچىلىق ئالدىدا ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيتتى.

ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەك

  • ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەك[يەشمىسى:] ھەممىگە بىر خىل پوزىتسىيە تۇتماق، ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلماق:[مىسال:] سىياسەت بويىچە ئىش قىلىش كېرەك، ئەمدى ئىلگىرىكىدەك ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ.

ھەممەيلەن

  • ھەممەيلەن[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] ھەممە كىشى، ھەممە ئادەم:[مىسال:] بۇ مەسلىھەت شاھ باشلىق ھەممەيلەنگە ناھايىتى خۇش كەپتۇ.

ھەمنەپەس

  • ھەمنەپەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] نىيىتى، مەقسىتى، ھەرىكىتى بىر، يېقىن ئۈلپەت، يېقىن دوست؛ بىر-بىرىگە يار-يۆلەك:[مىسال:] ھەمنەپەس بولماق.

ھەمنەپەسلىك

  • ھەمنەپەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نىيىتى، مەقسىتى، ھەرىكىتى بىر بولۇش؛ يار-يۆلەكلىك.

ھەمىزەك

  • ھەمىزەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تېگى كۆك، گۈللۈك ماتا.

ھەمىشە

  • ھەمىشە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەرقانداق ۋاقىت، ھەممە ۋاقىت، ھەر چاغ، دائىم:[مىسال:] ئۇ ئادەملەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ھەمىشە سەمىمىي ۋە قىزغىن ئىدى.

ھەمياستۇق

  • ھەمياستۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىر ياستۇققا باش قويغۇچى، بىر ياستۇقتا ياتقۇچى:[مىسال:] ھەمياستۇق بولماق.

ھەميان

  • ھەميان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] پۇل سېلىپ يېنىدا، يانچۇقىدا ئېلىپ يۈرىدىغان قاپچۇق؛ پورتمان.

ھەنەفىيلەر

  • ھەنەفىيلەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام مەزھەپلىرىدىن بىرى. ئاساسچىسى ئەبۇ ھەنەفىي. بۇ مەزھەپ شاپىئىيلەر، مالىكىلەر ۋە ھەنبەلىيلەر بىرگە سۈننىيلارنىڭ تۆت چوڭ مەزھىبىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ھەنبەلىيلەر

  • ھەنبەلىيلەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام مەزھەپلىرىدىن بىرى، يەنى سۈننىيلارنىڭ تۆت چوڭ مەزھىپىنىڭ بىرى. ئاساسچىسى ئىمام ئەھمەد بىننى مۇھەممەد بىننى ھەنبەلىيدۇر.

ھەننىۋا

  • ھەننىۋا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ھەممە، بارلىق، جىمى؛[مىسال:] مەن بەزى ئىشلارنىڭ تېگىنى بىلمەيدىكەنمەن، پات-يېقىندا ھەننىۋا سىر ئېچىلىدۇ.

ھە-ھۇ

  • ھە-ھۇ[يەشمىسى:] «ھە» ۋە «ھۇ» غا ئوخشاش ئاۋاز:[مىسال:] چاقپەلەك چۆرىگۈچى يىگىتلەرنىڭ ھە-ھۇلىرى خۇشاللىق تاشقىنىدەك گۈرۈلدەيتتى.

ھە-ھۇ بىلەن

  • ھە-ھۇ بىلەن[يەشمىسى:] قولمۇقول؛ ھەممەيلەن ھەرىكەت قىلىپ؛ سالا-سۈلھ بىلەن:[مىسال:] لەشكەرلىرىمىز دېمىنى ئېلىپ ماغدۇرىغا كېلىۋالسۇن، ئاندىن كېيىن بىرلا ھە-ھۇ بىلەن ئۇلارنى يوق قىلىۋېتەلەيمىز.

ھە-ھۇ دېگۈچە

  • ھە-ھۇ دېگۈچە[يەشمىسى:] تېز ئارىدا، بىردەمدە، بىرپەستە، ھەش-پەش دېگۈچە؛[مىسال:] ئۇ ھە-ھۇ دېگۈچە 15 دۈشمەننى يەر چىشلەتتى.

ھە-ھۇ دېمەك

  • ھە-ھۇ دېمەك[يەشمىسى:] ياردەمدە بولماق، ھەمكارلاشماق، ماسلاشماق:[مىسال:] مانا بۇ ئىشتا سەنمۇ ھە-ھۇ دېگىن.

ھە-ھۇچىلار

  • ھە-ھۇچىلار[كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە، بىر ياقتا تۇرۇپ تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت بەرگۈچى كىشىلەر.

ھەۋەس

  • ھەۋەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىش؛ ئىنتىلىش؛ ئارزۇ، ئىستەك:[مىسال:] ئىش باشقا، ھەۋەس باشقا.

ھەۋەسكار

  • ھەۋەسكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە قىزىقىدىغان، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان.

ھەۋەسكارلىق

  • ھەۋەسكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە قىزىقىش، ئىنتىلىش ۋە مۇشۇنداق مىجەز.

ھەۋەسلەندۈرمەك

  • ھەۋەسلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «ھەۋەسلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھەۋەسلەنمەك

  • ھەۋەسلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلماق، ھەۋەس قىلماق. ئىنتىلمەك، قىزىقماق:[مىسال:] يىگىت قىزغا ھەۋەسلىنىپ قارىدى.

ھەۋەسلىك

  • ھەۋەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەۋىسى بار، ھەۋەس قىلىدىغان؛[مىسال:] ئۇ دولان مەشرەپلىرىنىڭ ھەۋەسلىك تىڭشىغۇچىسى، ئەلنەغمىلىرىنىڭ قىزىققۇچىسى ئىدى.

ھەۋەسلىنىشمەك

  • ھەۋەسلىنىشمەك[يەشمىسى:] «ھەۋەسلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھەۋەسمەن

  • ھەۋەسمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ھەۋەس قىلىدىغان، قىزىقىدىغان ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان:[مىسال:] ئاكام مۇزىكا ئۆگىنىشكە تولىمۇ ھەۋەسمەن كىشى ئىدى.

ھەۋەسمەنلىك

  • ھەۋەسمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ھەۋەس بىلەن قىزىقىش، بېرىلىش ۋە مۇشۇنداق مىجەز ۋە خاراكتېر.

ھەۋزىكەۋسەر

  • ھەۋزىكەۋسەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] جەننەتتتىكى سۇلىرى تىنىق ۋە شېرىن دەپ تەرىپلىنىدىغان كەۋسەر ناملىق بۇلاق.

ھەي

  • ھەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① بىركىمنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش، چاقىرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دىلبەر، ھەي دىلبەر يىراقتىن بىرەيلەننىڭ چاقىرىغان ئاۋازى ئۇنىڭ قولىقىغا يېتىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ② پۇشايمان قىلىش ئەپسۇسلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بەزىلەر سەن نېمىنى بىلىسەن دەيدۇ، مەن نېمىشقا بىلمەيدىكەنمەن، شۇنچە ۋاقىت بىللە ئىشلىگەن تۇرسام، ھەي، ئادەمنىڭ دوستىدىن تولا دۈشمىنى بولىدىكەن.[يەشمىسى:] ③ زوقلىنىش، رازى بولۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بوش كەلمىدىڭىز، ھەي يامان قىز، ھەي... دېدى شائىر، رەئىسنىڭ كۈلكىسىنىڭ پەسىيىشىگە ئۈلگۈرتۈپلا زۇلپىيەگە قاراپ.[يەشمىسى:] ④ ئېچىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇكام كەنجىتاي، دادام، مېھرىبان ئانام بىچارىلەر، ھەي... بۇ كۈنلەرنى كۆرەلمىدى، خەپ[يەشمىسى:] ⑤ تەقەززالىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەي... كېچىكىپ قالىدىغان بولدۇق-تە[يەشمىسى:] ⑥ يىرگىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھەي... نېمىدېگەن سەت مەخلۇق بۇ؟

ھەيئەت

  • ھەيئەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ۋەزىپىنى بېجىرىشكە بەلگىلەنگەن، ئاجرىتىلغان ياكى سايلانغان كىشىلەر گۇرۇپپىسى:[مىسال:] ئىمتىھان ئېلىش ھەيئىتى، تەكشۈرۈش ھەيئىتى.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل گۇرۇپپا، تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى:[مىسال:] ھەيئەتلەر سەھنىدىن ئورۇن ئېلىشتى.

ھەيئەت رىياسەت

  • ھەيئەت رىياسەت[يەشمىسى:] يغىننى باشقۇرغۇچى كىشىلەر گۇرۇپپىسى.

ھەيئەتلىك

  • ھەيئەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەيئەتكە يۈكلەنگەن ۋەزىپە، ھەيئەت ئۆتەشكە تېگىشلىك خىزمەت.نىڭ كۈچەيتىلىپ ئېيتىلىشى:[مىسال:] ھەيتاڭەي، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆز ۋەجىنى بىلمەي قالامدۇ دېدى ئۇ ماڭا.

ھەيدەتمەك

  • ھەيدەتمەك[يەشمىسى:] «ھەيدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھەيدەشتۈرمەك

  • ھەيدەشتۈرمەك[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] ھەيدەش، ئىتتىرىش ۋە شۇخىلدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماق، ھەيدىمەك:[مىسال:] ئۇلار مېنى ھەيدەشتۈرۈپ سەھنىگە ئېلىپ چقىشتى.

ھەيدەشمەك

  • ھەيدەشمەك[يەشمىسى:] «ھەيدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھەيدەكچى

  • ھەيدەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى قىلىشقا ھەيدەيدىغان، شۇ ئىشنىڭ قىلىنىشىنى سۈيلەيدىغان ئادەم:[مىسال:] ھەيدەكچى ئىشىكنى غىچچىدە ئېچىپ ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش، يۈز بېرىش ۋە ئەمەلگە ئېشىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە:[مىسال:] تۈرتكە، مەدەت، ئىلھام:[مىسال:] ھەيدەكچى بولماق.

ھەيدەكچىلىك

  • ھەيدەكچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قىلىشقا سۈيلەش ۋە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۈرتكە، ئىلھام بولۇش:[مىسال:] ھەيدەكچىلىك قىلماق.

ھەيدەلمەك

  • ھەيدەلمەك[يەشمىسى:] «ھەيدىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھەيدىمەك

  • ھەيدىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر تەرەپكە، بىرەر جايغا قاراپ مېڭىشقا قىستىماق، بېرىشقا مەجبۇر قىلماق؛ قوغلىماق:[مىسال:] ئىشقا ھەيدىمەك. تاغقا ھەيدىمەك.[يەشمىسى:] ② ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرماق (ئوي-پىكىر، خىيال، ھېس-تۇيغۇ قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] لېكىن مۇنۇ زەي ئۇنىڭ شېرىن خىيالىنىمۇ، كۆزى يېتىپ تۇرغان پىلانلىرىنىمۇ نېرى ھەيدىۋەتتى.[يەشمىسى:] ③ ماتورلۇق ياكى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇپ ماڭدۇرماق:[مىسال:] قېيىق ھەيدىمەك. تراكتور ھەيدىمەك.[يەشمىسى:] ④ بوشاتماق، ئېلىپ تاشلىماق (ئىش، خىزمەت قاتارلىقلار ھەققىدە):[مىسال:] ئىشتىن ھەيدىمەك.[يەشمىسى:] ⑤ مەخسۇس ئەسۋاب بىلەن يۇمشاق ئاغدۇرماق، تېرىماق:[مىسال:] (دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى ھەققىدە): تولۇق ھەيدىمەك. * يەر ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە (ماقال).

ھەيرانⅠ

  • ھەيرانⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش، سىرتقى شەكلى قارلىغاچ ئائىلىسىدىكى قۇشلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. قۇيرۇقى ئۇزۇن بولۇپ، جىم تۇرغاندا قانىتى قۇيرۇقىدىن ئېشىپ تۇرىدۇ. ئۇچۇش سۈرئىتى تېز ۋە كۈچى كۈچلۈك كېلىدۇ. ئېگىز ئىمارەت لەمپىلىرى ياكى دەرەخ ئارىسىغا چاڭگا ياسايدۇ. ئۇچقاندا ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ:[مىسال:] دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىققا پايدىلىق قۇش ھېسابلىنىدۇ.

ھەيرانⅡ

  • ھەيرانⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر كۈتۈلمىگەن ئاجايىپ، غەيرىي-تەبىئىي نەرسە ياكى ھادىسە تۈپەيلىدىن ئادەمدە پەيدا بولغان ھاڭ-تاڭلىق؛ تەئەججۈپلىنىش، گاڭگىراش:[مىسال:] ھەيران بولماق. ھەيران قالماق.

ھەيرانە

  • ھەيرانە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھەيران قالغان، ھەيران بولغان:[مىسال:] قوينى لالە-رەيھانە، بۇلبۇل كاككۇك مەستانە، كۆرسە ھەركىم ھەيرانە، گۈزەل ئىلى باغلىرى.

ھەيرانچىلىق

  • ھەيرانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەيران بولۇش تۇيغۇسى ھەيران قېلىش، ھەيرانلىق:[مىسال:] بۇ سۆز مېنىڭ بايىقى ھەيرانچىلىقىمنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى.

ھەيرانلىق

  • ھەيرانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھاڭ-تاڭ قېلىش، ھەيران قالغان ھالەت:[مىسال:] قىز شەۋكەتنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە سورىدى.

ھەيران-ھەس

  • ھەيران-ھەس[يەشمىسى:] قاتتىق ھەيران قېلىش، ناھايىتى تەئەججۈپلىنىش:[مىسال:] ھەيران-ھەس بولماق. ھەيران-ھەس قالماق.

ھەيرەت

  • ھەيرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۈتۈلمىگەن نەرسە، ۋەقە، ھادىسە قاتارلىقلارغا ئۇچرىغاندا سېزىلىدىغان ھەيران بولۇش ھېسسىياتى، ھەيران بولۇش، ئەجەبلىنىش:[مىسال:] ھەيرەتتە قالماق.

ھەيز

  • ھەيز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>فىزىئولوگىيە<[يەشمىسى:] جىنسىي ھۈجەيرىسى پىشىپ-يېتىلگەن ئاياللارنىڭ ھەر 28 كۈندە بىر قېتىم دەۋرىي يوسۇندا بالىياتقۇدىن قان كېلىش ھادىسىسى. ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ:[مىسال:] ھەيز مەزگىلى.[يەشمىسى:] ② شۇ مەزگىلدە كېلىدىغان قان:[مىسال:] ھەيز كەلمەك.

ھەيكەل

  • ھەيكەل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] ئادەم ياكى ھايۋان گەۋدىسىنىڭ گىپس، تاش، مېتال، ياغاچ ۋە شۇ قاتارلىق قاتتىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان تەسۋىرى:[مىسال:] قەھرىمانلار ھەيكىلى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نامدا بار، ئەمما قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ئەمەلىي ھوقۇقى يوق ئەمەلدار:[مىسال:] ئۇنى «ۋاي باشلىق» دەپ ئاغزىڭنىڭ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ھەيكەلغۇ

ھەيكەلتاراش

  • ھەيكەلتاراش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] يونۇش، ئويۇش، قۇيۇش يولى بىلەن تاش، مىس، ياغاچ، گىپس قاتارلىقلاردىن ھەيكەل ياسىغۇچى سەنئەتكار.

ھەيكەلتاراشلىق

  • ھەيكەلتاراشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] «شەكىل يارىتىش سەنئىتى» نىڭ بىرى، يەنى چېكىش، ئويۇش، ياساشتىن ئىبارەت. ئۈچ خىل ئىشلەش ئۇسۇلىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بۇنىڭدا ياسىغىلى بولىدىغان(سېغىزلاي) ياكى چەككىلى، ئويغىلى بولىدىغان (مەسىلەن، مېتال، تاش، ياغاچ قاتارلىق) ماتېرىياللار ئارقىلىق، ئەمەلىي ھەجمى بولغان ئوبرازلار ياساپ چىقىلىدۇ.

ھەيۋە

  • ھەيۋە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەھدىت، قورقۇتۇش، پوپوزا:[مىسال:] ھەيۋە قىلماق. ھەيۋە كۆرسەتمەك.

ھەيۋەت

  • ھەيۋەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىدە قورقۇش ئارىلاش ئېھتىرام ۋە ئەجەبلىنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدىغان ئۇلۇغۋار كۆرۈنۈش؛ قىياپەت؛ داغدۇغا:[مىسال:] قەھرىمانلار يىغىن زالىغا ھەيۋەت بىلەن كىردى.

ھەيۋەتلەشمەك

  • ھەيۋەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرمەك:[مىسال:] قايتا رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن بۇ بىنا تېخىمۇ ھەيۋەتلىشىپ كېتىپتۇ.

ھەيۋەتلىك

  • ھەيۋەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① كاتتا، زور، كۆركەم:[مىسال:] ھەيۋەتلىك بىنا. ھەيۋەتلىك شەھەر. ھەيۋەتلىك باغ.[يەشمىسى:] ② ھەيۋىتى قالتىس، بەھەيۋەت، ۋەھىمىلىك؛ داغدۇغىلىق:[مىسال:] ھەيۋەتلىك بوران. ھەيۋەتلىك دولقۇن. ھەيۋەتلىك ئاۋاز.

ھەيۋىلىك

  • ھەيۋىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەيۋىسى بار:[مىسال:] شۇنداق ھەيۋىلىك كەلدىكى، ھەيھات.

ھەييار

  • ھەييار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھىيلە-نەيرىڭى تولا، باشقىلارنى ئالداشقا ئۇستا؛ ھىيلىگەر، مەككار، مۇغەمبەر، قۇۋ:[مىسال:] ھەييار ئادەم. ھەييار قىز. * ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار (ماقال).[يەشمىسى:] ② باشقىلارنىڭكىگە، تەييارغا ئىگە بولۇۋالىدىغان:[مىسال:] تەييارغا ھەييار بولماق.

ھەييارلارچە

  • ھەييارلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھەييارلارغا ئوخشاش، ھەييارلاردەك:[مىسال:] ئەخمەق دېدى غەيرەت كۆزلىرىنى ھەييارلارچە ئوينىتىپ تۇرۇپ.

ھەييارلاشتۇرماق

  • ھەييارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ھەييارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىمۇ ئادەملەرنى ھەييارلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

ھەييارلاشماق

  • ھەييارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھەييار ھالەتكە كەلمەك؛ قۇۋلاشماق، ھىيلىگەرلەشمەك:[مىسال:] ئۇ قىز بالا بولغىنى بىلەن، تۇرمۇشنىڭ ھەممە قازىنىدا قايناپ ھەييارلىشىپ كەتكەن بىرنېمە ئىكەن.

ھەييارلىق

  • ھەييارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەييار ئادەملەرگە خاس ئىش-ھەرىكەت؛ مەككارلىق، ھىيلىگەرلىك، قۇۋلۇق:[مىسال:] ھەييارلىق قىلماق.

ھوپ

  • ھوپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ياتقان ئۇلاغنى قوپۇرۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

ھوت

  • ھوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] «ھوت بۇرجى»غا قاراڭ.

ھوت بۇرچى

  • ھوت بۇرچى[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئېكلىپتىكىدىكى 12 بۇرجنىڭ بىرى. بەلگىسى ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى 330 تىن 360 قىچە، ئەسلىي ئورنى ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دەلۋە يۇلتۇز تۈركۈمىگە يۆتكەلگەن. ھەر يىلى مىلادىيە بويىچە 2-ئاينىڭ 19-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۈم ئەگىز سۇيى بولىدۇ.

ھودكىن

  • ھودكىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] 1798 — 1866-يىللىرى ياشىغان ئەنگلىيە دوختۇرىنىڭ نامى.

ھودكىن كېسەللىكى

  • ھودكىن كېسەللىكى[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] لىمفا ئۆسمىسىنىڭ بىر خىلى. ئەنگلىيە دوختۇرى ھودكىن (Thomas Hodgkin) دەسلەپ تەسۋىرلەپ بەرگەچكە، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

ھودۇد

  • ھودۇد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر جاينىڭ چېكى، ئاخىرقى نۇقتىسى، ياقىسى، چېتى:[مىسال:] مەخمۇت بۇ چاغدا چېگرا ھودۇدى كۆرۈنمەيدىغان «ئاقساي» ئۆستىڭىنىڭ ئەمگىكىدە ئىدى.[يەشمىسى:] ② سانى، مىقدارى:[مىسال:] ھودۇدى يوق. بۈگۈن بازارغا يىغىلغان ئادەمنىڭ ھودۇدى يوق ئىدى.

ھودۇقتۇرماق

  • ھودۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «ھودۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] يىغىننىڭ مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئېچىلماقچى بولغانلىقى كامىلنى ھودۇقتۇرۇپ قويدى.

ھودۇققاق

  • ھودۇققاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان ۋە تېز ھودۇقۇپ قالىدىغان:[مىسال:] ھودۇققاق ئادەم.

ھودۇققاقلىق

  • ھودۇققاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تولا ھودۇقىدىغان مىجەز-خاراكتېر، قىلىق-ھەرىكەت.

ھودۇقماق

  • ھودۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] نېمە قىلىشىنى بىلمەي ساراسىمىگە چۈشمەك؛ تەمتىرىمەك، گاڭگىرىماق:[مىسال:] ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىدىن بىرقەمدەملا نېرىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان رەھمەت مۇئەللىمنى كۆرگەندە، نېمە ئۈچۈندۇر ھودۇقۇپ كەتتى.

ھودۇقۇشماق

  • ھودۇقۇشماق[يەشمىسى:] «ھودۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھور

  • ھور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سۇيۇق جىسىملارنىڭ قىزىتىلغاندىكى گاز ھالىتى، پار:[مىسال:] ھور تۇربىنىسى. ھور ماشىنىسى. ھورغا ئايلىنىش.

ھورى بېسىقماق

  • ھورى بېسىقماق[يەشمىسى:] «ھورى بېسىلماق»قا قاراڭ:[مىسال:] ئانىدىن ئۇلۇغ نام يوق دۇنيادا، ئانا ھەرجاننىڭ پەخرى-غۇرۇرى. ئانا سۈتىنى ئاقلىمىغاننىڭ، بىسىقماي قالماس ھەر جايدا ھورى.

ھورى بېسىلماق

  • ھورى بېسىلماق[يەشمىسى:] مەلۇم پائالىيەت ۋە ھەرىكەتتىن توختىماق، پەسكويغا چۈشمەك، تىنچىماق، جىمىقماق.

ھورى تۈگەپ، شورى قالماق

  • ھورى تۈگەپ، شورى قالماق[يەشمىسى:] ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قۇرۇق قول قالماق:[مىسال:] ئۆيۈڭنى بېشىڭغا كىي، ھورى تۈگەپ، شورى قالغان ئۆيۈڭگە خۇشتار ئەمەسمەن.

ھورى چىقماق

  • ھورى چىقماق[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ سىرى، مەخپىيەتلىكى ئېچىلىپ كەتمەك، ئاشكارىلىنىپ قالماق:[مىسال:] بۇ گەپنىڭ زادى ھورى چىقىپ كەتمىسۇن، دېدى ئۇ.

ھورداتماق

  • ھورداتماق[يەشمىسى:] «ھوردىماق»پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھورداشماق

  • ھورداشماق[يەشمىسى:] «ھوردىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھورداق

  • ھورداق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاينىتىلغان دورىلىق ئوت-چۆپلەرنىڭ ھورلىرى بىلەن بەدەننى تەرلىتىش داۋالاشئۇسۇلى:[مىسال:] ھورداققا چۈشمەك.

ھوردالماق

  • ھوردالماق[يەشمىسى:] «ھوردىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھوردانماق

  • ھوردانماق[يەشمىسى:] «ھوردىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.

ھوردىماق

  • ھوردىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قول ياكى باشقا بىرەر نەرسىنى ھورغا يېقىن تۇتماق، ھور ئۆتكۈزمەك:[مىسال:] بالا قوللىرىنى ئاغزىغا تۇتۇپ ھورداشقا باشلىدى.

ھورلاشماق

  • ھورلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۈستىنى ياكى ئەتراپىنىڭ ھور قاپلىماق:[مىسال:] ئادىل ھورلاشقان ئەينەكتىن سىرتقا قارىدى.

ھورنان

  • ھورنان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھور+نان[[يەشمىسى:] قاسقانغا سېلىپ، ھورداپ پىشۇرۇلىدىغان نان، جىڭموما، موما:[يەشمىسى:] ھورنان سالماق، ھورنان ئالماق.

ھوسۇل

  • ھوسۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تېرىلغان زىرائەت ياكى باغۋەنچىلىكتىن ئېلىنىدىغان مەھسۇلات، ئۈنۈم:[مىسال:] ھوسۇل ئالماق. ھوسۇل بەرمەك.

ھوسۇلچى

  • ھوسۇلچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوسۇل ئالىدىغان كىشى.

ھوسۇلدار

  • ھوسۇلدار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] كۆپ ھوسۇل بېرىدىغان، ئۈنۈمدار:[مىسال:] ھوسۇلدار يەر.

ھوسۇلدارلىق

  • ھوسۇلدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كۆپ ھوسۇل بېرىش، ئۈنۈمدارلىق.

ھوسۇلسىز

  • ھوسۇلسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھوسۇلى يوق ياكى ئاز، ھوسۇل بەرمەيدىغان، ئۈنۈمسىز:[مىسال:] ھۇسۇلسىز يەر. ھوسۇلسىز زىرائەت.

ھۇسۇللۇق

  • ھۇسۇللۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھوسۇلى بار ياكى كۆپ، ھوسۇل بېرىدىغان، ئۈنۈملۈك:[مىسال:] ھوسۇللۇق يەر. ھوسۇللۇق زىرائەت.

ھوشⅠ

  • ھوشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] كالىنى قايتۇرۇش، توسۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.

ھوشⅡ

  • ھوشⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ بىرەر تەسىر ياكى ھادىسىنى سېزىش، پىكىر قىلىش، ئاڭلاش قابىلىيىتى:[مىسال:] ھوشىدىن كەتمەك.[يەشمىسى:] ② ئاڭ؛ ئەقىل، ئىدراك:[مىسال:] ھوشى جايىدا. ھوشىنى يىغماق.

ھوشسىز

  • ھوشسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاڭلاش، پىكىر قىلىش، سېزىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، ھېچنېمىنى سەزمەس بولۇپ قالغان:[مىسال:] ھوشسىز ئادەم.

ھوشسىزلاندۇرماق

  • ھوشسىزلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ھوشسىزلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھوشسىزلاندۇرۇشماق

  • ھوشسىزلاندۇرۇشماق[يەشمىسى:] «ھوشسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھوشسىزلاندۇرۇلماق

  • ھوشسىزلاندۇرۇلماق[يەشمىسى:] «ھوشسىزلاندۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھوشسىزلانماق

  • ھوشسىزلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھوشىدىن كەتمەك، خۇددىنى يوقاتماق، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالماق:[مىسال:] ۋەلى ئازابتىن ھوشسىزلاندى.

ھوشسىزلىق

  • ھوشسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوشسىز ھالەت.

ھوششەرە

  • ھوششەرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] بىرەر سۆز، بىرەر ئىش ھەرىكەتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قىلىنغانلىقىغا، بېجىرىلگەنلىكىگە ئېيتىلىدىغان تەشەككۈر، رازىمەنلىك؛ بارىكاللا:[مىسال:] بۇ كۈتۈلمىگەن ئىش ھەممىنى ھەيران قالدۇردى. بىر-ئىككى سېكۇنتتەك جىمجىتلىقتىن كېيىن، «ھوششەرە»، «ئەجەب ئوبدان ئىش بولدى» دېگەن گەپلەر ياڭراپ كەتتى.

ھوشلۇق

  • ھوشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھوشى بار، ھوشى جايىدا، سەگەك.

ھوشۇقچە

  • ھوشۇقچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دوپپا شاپىقىغا پاراللېل ھەم قايچىلاش قىلىپ تىكىلگەن ئۇزۇن سىزىقچىلار ئارىسىغا بالداق شەكىللىك تىكىلگەن گۈل.

ھوشيار

  • ھوشيار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىنى تېز سېزەلەيدىغان، سەزگۈر، چېچەن، زېرەك؛ سەگەك:[مىسال:] ھوشيار تۇرماق.

ھوشيارلاشماق

  • ھوشيارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھوشيار ھالەتكە كەلمەك، ھوشيار بولماق.

ھوشيارلىق

  • ھوشيارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوشيار، سەزگۈر ھالەت، سەگەكلىك.

ھوقۇق

  • ھوقۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دۆلەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ۋە قوغدىلىدىغان، جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن-قائىدىلەر، فورمىلار يىغىندىسى:[مىسال:] پۇقرالىق ھوقۇقى. كىشىلىك ھوقۇقى.[يەشمىسى:] ② قانۇن تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئىمكانىيەت، ئەرك، ئىختىيار:[مىسال:] سايلاش ھوقۇقى. سايلىنىش ھوقۇقى، دەم ئېلىش ھوقۇقى. سىياسىي ھوقۇق. ئىشلەش ھوقۇقى. مەتبۇئات ھوقۇقى. پايدىلىنىش ھوقۇقى.

ھوقۇقخۇمار

  • ھوقۇقخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]ھوقۇق+خۇمار[[يەشمىسى:] ھوقۇقنى ياخشى كۆرىدىغان، ھوقۇق ئۈچۈن جان بېرىدىغان.

ھوقۇقدار

  • ھوقۇقدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھوقۇق ئىگىسى، قولىدا ھوقۇقى بار كىشى.

ھوقۇقسىز

  • ھوقۇقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن، ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان:[مىسال:] تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە.

ھوقۇقسىزلىق

  • ھوقۇقسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوقۇقتىن مەھرۇملۇق.

ھوقۇقشۇناس

  • ھوقۇقشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھوقۇق ساھەسىدە ئەمەلىي ياكى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغۇچى مۇتەخەسسىس.

ھوقۇقشۇناسلىق

  • ھوقۇقشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] ھەق-ھوقۇق ھەققىدىكى پەنلەر يىغىندىسى.

ھوقۇقلۇق

  • ھوقۇقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھوقۇقى بار، بىرەر ئىش-ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە:[مىسال:] ھوقۇقلۇق ئورگان.

ھوگا

  • ھوگا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] سۈرەن، چۇقان.

ھوگازا

  • ھوگازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئويۇق، ئويۇقچە، تەكچە.

ھوگۇنا

  • ھوگۇنا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جەرەننىڭ تېكىسى.

ھوڭ

  • ھوڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تاش ياكى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان ئېگىزلىك.

ھولا

  • ھولا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يالقۇن، گۈلخان.

ھولولوپ

  • ھولولوپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى قارىسىغىلا ئىشلەيدىغان، ئالدىراڭغۇ:[مىسال:] ئالدىراڭغۇ، ھولولوپتىن مەڭگۈ يىراق بول، سەۋر قىلساڭ سەن ئۈچۈن ئوچۇقتۇر كەڭ يول.

ھولولوپلۇق

  • ھولولوپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارىسىغا ئىش قىلىش، ئالدىراڭغۇلۇق.

ھولۇقتۇرماق

  • ھولۇقتۇرماق[يەشمىسى:] «ھولۇقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھولۇققاق

  • ھولۇققاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەر ۋاقىت ھولۇقۇپ يۈرىدىغان، ئالدىراڭغۇ، تەنتەك:[مىسال:] ھولۇققاق ئادەم.

ھولۇققاقلىق

  • ھولۇققاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالدىراڭغۇلۇق، تەنتەكلىك:[مىسال:] ئەپەندىم ئىشىك تېشىدىن مۇسانىڭ ھولۇققاقلىق بىلەن توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

ھولۇقماق

  • ھولۇقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئالاقزادە بولماق، ئالدىراڭغۇلۇق قىلماق، تەمتىرىمەك:[مىسال:] يولۋاسقا يولۇقما، يولۇقساڭمۇ ھولۇقما (ماقال).

ھولۇقۇشماق

  • ھولۇقۇشماق[يەشمىسى:] «ھولۇقماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھومايماق

  • ھومايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چەكچەيمەك؛ ئالايماق، گۆلەيمەك:[مىسال:] بەگ ئەلەم قىلغاندەك ياپما قاپاقلىرى بىلەن ئېلىقۇلغا دەھشەتلىك بىر ھومايدى.

ھومىيىشماق

  • ھومىيىشماق[يەشمىسى:] «ھومايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھوناغ

  • ھوناغ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە توغرىسىدا قىلىنغان مۆلچەر، پەرەز، ئوي:[مىسال:] بەزىدە مەنمۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزسەم، بىرەر قېتىم ساۋابقا ئەرزىگۈدەك ئىش قىلسام دەپ تىلەپ كېتىمەن لېكىن ھوناغ ھوناغقا يەتمەي مۇشۇ كۈنگە كەلدىم.

ھونىغىغا كەلمەك

  • ھونىغىغا كەلمەك[يەشمىسى:] تازا ئەپلەشمەك، جاي-جايىدا بولماق.

ھونلار

  • ھونلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] جەنگو دەۋرىدە يۈەن، جاۋ، چىن پادىشاھلىقلىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، مەملىكىتىمىزدە ياشىغان قەدىمكى خەلق.

ھونناق

  • ھونناق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گالغا چىقىدىغان بىر خىل يامان سۈپەتلىك يارا، قىزىلئۆڭگەچ راكى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇۋ، ھىيلىگەر، مەككار، كۆيدۈرگە، ئىچى تار.

ھونۇز

  • ھونۇز[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھازىرغىچە، ھېلىغىچە ھامان:[مىسال:] ئۇسسۇغانغا ئۇسسۇلۇق بۈلغاي ھونۇز ۋاقتىدا قوغۇن بولۇپ خەمەكلىرى.

ھوي

  • ھوي[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ① ئادەملەرنى چاقىرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ:[مىسال:] ھوي بالام، ئەخمەتمۇسەن، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىلەر[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، نەرسىگە ھەيران قېلىش، ئەجەبلىنىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ھوي، بۇ ماجۇڭيىڭ دېگەن بەكلا ياش بىرنېمە ئىكەنغۇ، مېنىڭ كىچىك ئىنىم بىلەن تەڭمۇ نېمە دەپ پىچىرلىدى مېرول مەرگەن يېنىدا تۇرغان ھوشۇركانتۇغا.

ھويلا

  • ھويلا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆي تېمىغا تۇتاشتۇرۇپ تام چۆرۈپ، دەرۋازا بېكىتىلگەن بوش جاي؛ سەينا:[مىسال:] ھويلا تېمى. تاشقىرىقى ھويلا. ئىچكىرىكى ھويلا.

ھويلا-ئارام

  • ھويلا-ئارام[يەشمىسى:] ھويلا ۋە ھويلا ئەتراپىدىكى بەلگلىك دائىرە:[مىسال:] ھويلا-ئارام ئىگىلىكى.

ھويلىلىق

  • ھويلىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھويلىسى بار، ھويلا قىلىنغان:[مىسال:] ھويلىلىق ئىمارەت.

ھۇ

  • ھۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قارغاش، سۆكۈش، غەزەپلىنىش ئىپادىلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن بىللە كېلىپ شۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ئۇ: ھۇ ئىتنىڭ كۈچۈكى دېگىنچە ئېتىلدى.

ھۇجرا

  • ھۇجرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يېتىپ-قوپۇش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان كىچىكرەك ئۆي، ياتاق ئۆي، كىچىك ئۆي:[مىسال:] ھېكىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن شائىر ئورنىدىن تۇردى-دە، ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كېتىپ قالدى.

ھۇجرىداش

  • ھۇجرىداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆزى بىلەن بىر ھۇجرىدا تۇرىدىغان كىشى.

ھۇجرىلىق

  • ھۇجرىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۇجرىسى بار:[مىسال:] كۆپ ھۇجرىلىق ساراي.

ھۇجۇم

  • ھۇجۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەرىكەت بىلەن ئادەم ياكى نەرسىگە تاشلىنىش؛ ھەملە:[مىسال:] بۆرىنىڭ ھۇجۇمى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] بىرەر تېررېتورىيىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى مۇداپىئە قىلىپ تۇرغان ياكى دەسلەپ ھەملە قىلغان دۈشمەن ئۈستىگە زور ھەربىي كۈچ بىلەن تاشلىنىش:[مىسال:] ھۇجۇمغا ئۆتمەك.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەنبىھ، ھاقارەت قىلىش، سۆكۈش ۋە شۇ قاتارلىقلار بىلەن بىرەر كىشىگە بېرىلگەن زەربە:[مىسال:] چاقچاق بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم.[يەشمىسى:] ④ بىرەر چوڭ ئىش ياكى تەدبىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان ئومۇمىي خەلق ھەرىكىتى:[مىسال:] ئاساسىي ھۇجۇمنى بىرلىك مەھسۇلاتقا قارىتىش.

ھۇجۇمچى

  • ھۇجۇمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دۈشمەن ئۈستىگە باستۇرۇپ بارغۇچى؛ ھۇجۇم قىلغۇچى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تە<[يەشمىسى:] ۋاسكېتبول، پۇتبول قاتارلىق توپ تۈرلىرىدە قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ھۇجۇم قىلغۇچى.

ھۇجۇملۇق

  • ھۇجۇملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۇجۇم قىلىنغان؛ ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالغان:[مىسال:] ئۇنىڭ يوشۇرۇن، قەبىھ، ھۇجۇملۇك ئەگىتمە سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلىقىم تۈۋىدە.

ھۇررا

  • ھۇررا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. ئۈن س.[يەشمىسى:] ھۇجۇم قىلىۋاتقان جەڭىچلەرنىڭ جەڭگىۋار نىداسى:[مىسال:] ھۇررا توۋلىماق.

ھۇرۇن

  • ھۇرۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەمگەك قىلىشنى، ئىشلەشنى خالىمايدىغان، ئىش خۇشياقمىغان؛ يالقاۋ، ئېرىنچەك:[مىسال:] ھۇرۇن ئېشەك يۈكنى ئېغىر كۆتۈرەر (ماقال).

ھۇرۇنلاشتۇرماق

  • ھۇرۇنلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «ھۇرۇنلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھۇرۇنلاشماق

  • ھۇرۇنلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۇرۇن، ئېرىنچەك بولۇپ قالماق؛ قىزغىنلىقىنى يوقاتماق.

ھۇرۇنلۇق

  • ھۇرۇنلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىش خۇشياقماسلىق، ئېرىنچەكلىك:[مىسال:] كۆزەتچى ھۇرۇنلۇق بىلەن مېڭىپ، دەرۋازىنىڭ سىرتىغا چىقتى.

ھۇزۇرⅠ

  • ھۇزۇرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] راھەت، پاراغەت، ئارام، لەززەت، تىنچلىق، خاتىرجەملىك:[مىسال:] ھۇزۇر ئالماق. ھۇزۇر قىلماق.

ھۇزۇرⅡ

  • ھۇزۇرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر كىشىنىڭ قېشىدا، يېنىدا، كۆز ئالدىدا بولۇش؛ قاتنىشىش، تەشرىپ:[مىسال:] ھۇزۇرىدا بولماق. ھۇزۇرغا بارماق.

ھۇزۇرلاندۇرماق

  • ھۇزۇرلاندۇرماق[يەشمىسى:] «ھۇزۇرلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھۇزۇرلانماق

  • ھۇزۇرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۇزۇرلۇق ھېس قىلماق، ھۇزۇر ئالماق، مەززە قىلماق، لەززەتلەنمەك، راھەتلەنمەك:[مىسال:] ئۇلار گۈلزارلىقنى ئايلىنىپ ھۇزۇرلىنىپتۇ.

ھۇزۇرلىنارلىق

  • ھۇزۇرلىنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] راھەتلىنىشكە، لەززەتلىنىشكە ئەرزىيدىغان، ھۇزۇرلانغۇدەك:[مىسال:] ھۇزۇرلىنارلىق ئىش.

ھۇزۇرلىنىشماق

  • ھۇزۇرلىنىشماق[يەشمىسى:] «ھۇزۇرلانماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھۇزۇر-ھالاۋەت

  • ھۇزۇر-ھالاۋەت[يەشمىسى:] ھۇزۇر ۋە ھالاۋەت:[مىسال:] ھۇزۇر-ھالاۋەتنى تەڭ كۆرمەك.

ھۇما

  • ھۇما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىشىنىڭ بېشىغا قونسا شۇ كىشى ئەڭ بەختلىك بولىدۇ دەپ قارىلىدىغان بىر خىل ئەپسانىۋى قۇش؛ بەخت قۇشى.

ھۇۋ

  • ھۇۋ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① بەزى قۇشلار سايرىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.[يەشمىسى:] ② سوپىلارنىڭ ساما سالغاندىكى ئاۋازى.

ھۇۋقۇش

  • ھۇۋقۇش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھوۋ+قۇش[[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. تېنى ئاچ قوڭۇر رەڭلىك. خىلى كۆپ، قارا سەپكۈنلىرى بار، بېشىدا مۈڭگۈزسىمان پەي-تۈكلىرى بار. كۆزى چوڭ، لېكىن يومىلاق، كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. چاشقان، قۇشقاچ قاتارلىق كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق. دائىم كېچىلەردە قورقۇنچلۇق ئاۋاز چىقىرىپ سايرايدۇ. ئۇ يەنە «قارىغۇ ياپىلاق»ۋە «مۈشۈكياپىلاق»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ھۇۋلاتماق

  • ھۇۋلاتماق[يەشمىسى:] «ھۇۋلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئىتنى ھۇۋلاتماق.

ھۇۋلاشماق

  • ھۇۋلاشماق[يەشمىسى:] «ھۇۋلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھۇۋلىماق

  • ھۇۋلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ھۇۋ-ھۇۋ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، توۋلىماق (ئىت، بۆرە ھەققىدە):[مىسال:] سەھەر ھۇۋلىغان ئىتتىن قورق (ماقال).

ھۇۋۇلدىماق

  • ھۇۋۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قۇرۇقدىلىپ قالماق، بوشاپ شامال ئۇچۇرۇپ تۇرىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالماق:[مىسال:] ئۇ كۆكۈيۈن غايىب بولغان دۇنيانىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ قۇرۇق ھۇۋۇلداپ قالغانلىقىنى سەزدى.

ھۆ

  • ھۆ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش ئالدىدا ياكى قۇسقان ۋاقتىدا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ھۆ بولماق. ھۆ قىلماق.

ھۆپۈپ

  • ھۆپۈپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل قۇش. پەيلىرىنىڭ رەڭگى قوڭۇر، تاجىسى بار. تۇمشۇقى ئىنچىكە ۋە سەل ئەگمەچ كېلىدۇ. ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. دېھقانچىلىققا پايدىلىق قۇش ھېسابلىنىدۇ.

ھۆپىگەر

  • ھۆپىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھۈنەرۋەن، كاسىپ، ئۇششاق ئېلىپساتار.

ھۆپىگەرلىك

  • ھۆپىگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۈنەر، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، كاسىپلىق.

ھۆپىگەن

  • ھۆپىگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چاشقان تىپىدىكى بىر خىل ھايۋان.

ھۆتۈت-پۆتۈت

  • ھۆتۈت-پۆتۈت[يەشمىسى:] يوقىلاڭ، قاملاشمىغان گەپ.

ھۆتۈت-پۆتۈت دېمەك

  • ھۆتۈت-پۆتۈت دېمەك [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] سەلبىي مەنىدىكى سۆز.[يەشمىسى:] يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلىپ، ئۇنى-بۇنى دەپ تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرمەك، قارشى گەپ قىلماق:[مىسال:] بۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ قارارى بۇنىغا ھېچكىمنىڭ ھۆتۈت-پۆتۈت دېيىشىگە ھەققى يوق

ھۆتۈتلىمەك

  • ھۆتۈتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۆتۈت-پۆتۈت دەپ يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلماق، چالۋاقىماق.

ھۆججەت

  • ھۆججەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان:[مىسال:] رەسمىي يازما ئالاقە، ئۇقتۇرۇش قاتارلىقلار. يىغىن ھۆججىتى. ھۆججەت يەتكۈزمەك.[يەشمىسى:] ② بىرەر كىشىنىڭ كىملىكىنى، مەشغۇلاتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، ھوقۇقىنى تەستىقلايدىغان يازما پاكىت؛ ئىسپات:[مىسال:] ھەيدەرخان غوجا قولىدا بوز دۆڭنى «خانلىق يەر» دەيدىغان ھۆججەت زادى يوق ئىدى.[يەشمىسى:] ③ سېتىش-سېتىۋېلىش، رەنىگە قويۇش، تاپشۇرۇۋېلىش، ئارىيەتكە ئېلىش، توختاملىشىش، ئىجارىگە ئېلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىسپاتلايدىغان يازما ئىسپات؛ تالون، باغاقچە قاتارلىقلار:[مىسال:] ھۆججەت يېزىپ بەرمەك، ھۆججەت ئالماق. ھۆججەت يېزىپ بەرمەك.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ئارخېئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئىلمىي، ئىجتىمائىي ياكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يېزىق، سۈرەت، ئەسەر قاتارلىق يازما ماتېرىياللار.

ھۆججەتشۇناس

  • ھۆججەتشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھۆججەت ئىلمى، كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى مۇتەخەسسىس.

ھۆججەتشۇناسلىق

  • ھۆججەتشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پەننىڭ ھۆججەت ئىلمىگە ۋە كەسپىگە دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان تارمىقى.

ھۆججەتلەشتۈرمەك

  • ھۆججەتلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ھۆججەتلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھۆججەتلەشتۈرۈلمەك

  • ھۆججەتلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «ھۆججەتلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھۆججەتلەشمەك

  • ھۆججەتلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، نەرسە ياكى ئادەم توغرۇلۇق پۈتۈشكەن پىكىرنى يېزىپ ھۆججەت ھالىتىگە كەلتۈرمەك، رەسمىيلەشتۈرمەك:[مىسال:] ئۆينىڭ باھاسىنى توختىتىپ، شۇ ئان ھۆججەتلەشكەنىدۇق.

ھۆججەتلىك

  • ھۆججەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆججىتى بار:[مىسال:] ھۆججەتلىك قەرز. ھۆججەتلىك فىلىم.

ھۆدەيچى

  • ھۆدەيچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] تارىختا خان، پادىشاھ، ۋاڭ قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھۇزۇرىغا بىرەر ھاجەت بىلەن ياكى ئەرز ئېيتىپ كەلگەنلەرنى خان، پادىشاھ، ۋاڭلارغا خەۋەر قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ھاجەتمەنگە يەتكۈزىدىغان ئەمەلدار.

ھۆددە

  • ھۆددە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پايدا-زىيانغا، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇش شەرتى بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت؛ كۆتۈرە:[مىسال:] ھۆددە ئالماق، ھۆددە بەرمەك. ھۆددە قىلماق.

ھۆددەس

  • ھۆددەس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پەقەت، ئەسلا، زادىلا.

ھۆددىگەر

  • ھۆددىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆددە ئالغۇچى، كۆتۈرىچى، كاپالەت قىلغۇچى.

ھۆددىگەرلىك

  • ھۆددىگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆددىگە ئېلىش، ھۆددىگە بېرىش:[مىسال:] ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى.

ھۆددىلەشمەك

  • ھۆددىلەشمەك[يەشمىسى:] ① «ھۆددىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② ھۆددىگە ئېلىش، توختام رەسمىيىتى تۇرغۇزماق:[مىسال:] ھۆددىلەشكەن ئاشلىقنى ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلالايمىز.

ھۆددىلىمەك

  • ھۆددىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالماق. كۆتۈرە قىلماق:[مىسال:] كەپشەرلەش، كېسىش، ھەرىلەش قاتارلىق ئىشلارنى ئادىل بىلەن زايىت ھۆددىلەپ كېتەلىدى.

ھۆرⅠ

  • ھۆرⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ باشقۇرۇىشىدا بولمىغان، ئەركىنلىكى ئۆزىدە بولغان؛ ئازاد، ئەركىن:[مىسال:] ھۆر ئادەم. ھۆر زامان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قۇلدارلىق جەمئىيەتتىكى قۇلدىن باشقا ئاھالىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.

ھۆرⅡ

  • ھۆرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى بويىچە جەننەتتە ياشايدىغان گۈزەل قىز؛ پەرى:[مىسال:] ئۇ ئۆزىنى خۇددى جەننەتتىكى ھۆرلەر ئارىسىدا يۈرگەندەك ھېس قىلىپتۇ.

ھۆر-پەرى

  • ھۆر-پەرى[يەشمىسى:] ھۆر ۋە پەرى:[مىسال:] شاھ سارىيى ئالتۇندىن، ياسالغانىكەن ھەيۋەتلىك. ياشايدىكەن شۇ يەردە، بىر ھۆر-پەرى سۈرەتلىك.

ھۆر-غىلمان

  • ھۆر-غىلمان[يەشمىسى:] ھۆر ۋە غىلمان:[مىسال:] كەمتەر، باتۇر، تەمكىن ئۆزى، زېھنى دېڭىز، شېرىن سۆزى، مېھرى قۇياش، نۇرلۇق يۈزى، ھۆرى-غىلمان قەشقەر قىزى.

ھۆركىرەتمەك

  • ھۆركىرەتمەك[يەشمىسى:] «ھۆركىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] كالىنى ھۆركىرەتمەك.

ھۆركىرەشمەك

  • ھۆركىرەشمەك[يەشمىسى:] «ھۆركىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھۆركىرىمەك

  • ھۆركىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئۈنلۈك ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] بۇقا ھۆركىرەيدۇ، قۇيرۇقى تىترەيدۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش تۈپەيلىدىن بىراۋغا ئاچچىق بىلەن ۋارقىرىماق:[مىسال:] مەنسۇر خۇرشىدىخانغا زەردە بىلەن ھۆركىرىدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپنى يوغان قىلىپ، ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلماق:[مىسال:] ھۆركىرەپ ئۆتتۈم ئەمەلنىڭ بارىدا يولۋاس بولۇپ، قايسى كۈن چۈشتۈم شۇ ئان ئۆچتى ئۈنۈم تىمتاس بولۇپ، يا يۈرەكتىن ئالدى دەرد دوختۇرغا سۆرەشتى دەرىخ يا ئۇدۇل مەسچىتكە كىردىم ئەل ئارا چىقماس بولۇپ.

ھۆرلۈك

  • ھۆرلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولماسلىق، ئەركىنلىك، ئازادلىق.

ھۆرمەت

  • ھۆرمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە نەرسىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ ئۇنى قەدىرلەش، ئۇلۇغلاش ئەزىزلەش تۇيغۇسى؛ ئىززەت، ئېھتىرام ۋەتەنگە ھۆرمەت. ئۆز كەسپىگە بولغان ھۆرمەت. * بۇلبۇل گۈل بار يەردە، ھۆرمەت دوست بار يەردە (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئامما ئارىسىدا قازانغان ئىناۋەت؛ ئابرۇي، ئېتىبار:[مىسال:] ھۆرمەت قىلماق. ھۆرمەت تاپماق. * كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قولىدا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ھۆرمەت قاراۋۇلى

  • ھۆرمەت قاراۋۇلى[كەسىپ تۈرى:]>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] ئارمىيە تەرىپىدىن چىقىرىلغان مەلۇم قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆتەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان كىچىك قىسىم.

ھۆرمەتچان

  • ھۆرمەتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھۆرمەتنى قەدىرلەيدىغان، ياخشى كۆرىدىغان:[مىسال:] ئەسلىدە ئالىمجاننىڭ چىرايى دېگەندەك كېلىشكەن بولمىسىمۇ، گەپ-سۆزى جايىدا، ئەدەپلىك، ھۆرمەتجان يىگىت ئىدى.

ھۆرمەتسىز

  • ھۆرمەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆرمىتى يوق، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمىغان، ئابرۇيسىز.

ھۆرمەتسىزلىك

  • ھۆرمەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆرمەت قىلالماسلىق، ئەزىزلىمەسلىك؛ ئابرۇيسىزلىق:[مىسال:] ھۆرمەتسىزلىك قىلماق.

ھۆرمەتلەتمەك

  • ھۆرمەتلەتمەك[يەشمىسى:] «ھۆرمەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھۆرمەتلەشمەك

  • ھۆرمەتلەشمەك[يەشمىسى:] «ھۆرمەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھۆرمەتلەنمەك

  • ھۆرمەتلەنمەك[يەشمىسى:] «ھۆرمەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھۆرمەتلىك

  • ھۆرمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆرمىتى بار، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ئابرۇيلۇق:[مىسال:] ھۆرمەتلىك مېھمان.

ھۆرمەتلىمەك

  • ھۆرمەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۆرمىتىنى، ئىززىتىنى قىلماق؛ قەدىرلىمەك، چوڭ كۆرمەك:[مىسال:] ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلىمەك. چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەك.

ھۆرمەت-ئېھتىرام

  • ھۆرمەت-ئېھتىرام[يەشمىسى:] ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام:[مىسال:] ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈرمەك.

ھۆر-ھۆر

  • ھۆر-ھۆر[يەشمىسى:] «ھۆر-ھۆر يىغلىماق»قا قاراڭ.

ھۆر-ھۆر يىغلىماق

  • ھۆر-ھۆر يىغلىماق[يەشمىسى:] ئۆزىنى توختىتالماي قاتتىق يىغلىماق.

ھۆرۈ-پۆرۈ

  • ھۆرۈ-پۆرۈ[يەشمىسى:] «ھۆرۈ-پۆرۈ دېمەك»كە قاراڭ.

ھۆرۈ-پۆرۈ دېمەك

  • ھۆرۈ-پۆرۈ دېمەك[يەشمىسى:] ئورۇنسىز يوقىلاڭ گەپ-سۆزلەر بىلەن كىشىگە ھەيۋە قىلماق، قاتتىق گەپلەر بىلەن كىشى ئالدىدا يوغانچىلىق قىلماق:[مىسال:] سەن تېخى ئۆزۈڭنى چاغلىماي، نېمە مېنىڭ ئالدىمدا ھۆرۈ-پۆرۈ دەيسەن؟

ھۆرىستان

  • ھۆرىستان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ھۆرلۈك، ئازادلىق دەۋر سۈرگەن جاي؛ ئازاد، ئەركىن ماكان.

ھۆرىگۈل

  • ھۆرىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھۆر+ى+گۈل[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كاكتۇس ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. ئاساسىي غولى يۇمىلاق تۈۋرۈك شەكىللىك. تارماق شاخلىرى ياپىلاق، يوپۇرماق شەكلىدە بولىدۇ، رەڭگى يېشىل، يوپۇرمىقى بولمايدۇ. گۈلى چوڭ، ئاق رەڭلىك، تارماق شاخلارنىڭ گىرۋىكىدە ئۆسىدۇ، تولىراق كېچىسى ئېچىلىدۇ. چېچەكلەش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ھۆرىيەت

  • ھۆرىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئازادلىق، ئەركىنلىك.

ھۆرىيەتپەرۋەر

  • ھۆرىيەتپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھۆرىيەتنى، ئازادلىقنى خالايدىغان، ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان، قوغدايدىغان:[مىسال:] ھۆرىيەتپەرۋەر شائىر.

ھۆرىيەتپەرۋەرلىك

  • ھۆرىيەتپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەركىنلىك، ھۆرىيەتنى خالاش، ھىمايە قىلىش ۋە ئاشۇنداق خائىش.

ھۆرىيەتچى

  • ھۆرىيەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەرنى زۇلۇمدىن، ئېزىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئازاد قىلىش يولىدا كۈرەشكۈچى.

ھۆسن

  • ھۆسن[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىراي، جامال، كۆرەك، گۈزەللىك:[مىسال:] ئۇنىڭ ھۆسنى گىرىمسىز سەھنىگە چىقسىمۇ پۈتۈن زالنى نۇرلاندۇرۇۋەتكىدەك ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىرايلىق قىلىپ يېزىلىدىغان، نەپىس كۆركەم، گۈزەل:[مىسال:] ھۆسنخەت.

ھۆسن-جامال

  • ھۆسن-جامال[يەشمىسى:] ھۆسن ۋە جامال.

ھۆسنخەت

  • ھۆسنخەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھۆسن+خەت[[يەشمىسى:] چىرايلىق، گۈزەل، كۆركەم قىلىپ يېزىلىدىغان خەت؛ خۇش خەت.

ھۆسنلىك

  • ھۆسنلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆسن-جامالى كېلىشكەن، گۈزەل.

ھۆسۈت

  • ھۆسۈت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەسەت، قىزغىنىش.

ھۆسىلە

  • ھۆسىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئىپادىلىنىدىغان پوزىتسىيە، تەكەللۇپ، يېقىملىق قىلىق:[مىسال:] ئۇياتچان قىز مېھمانغا ھۆسىلە قىلىپ كېتىشنى خالىمايتتى.

ھۆسىلە-سۈلكەت

  • ھۆسىلە-سۈلكەت[يەشمىسى:] ھۆسىلە ۋە سۈلكەت، قىزغىنلىق، خۇشخۇيلۇق:[مىسال:] ئۇ بىزنى تولىمۇ ئىسسىق چىراي، مۇلايىم ھۆسىلە سۈلكەت، شېرىن سۆزلەر بىلەن قارشى ئالدى.

ھۆكمەت

  • ھۆكمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاھاڭلىق داستان غەزەل:[مىسال:] ھاپىز ساپايى قېقىپ ھۆكمەت ئېيتتى.

ھۆكمەتچى

  • ھۆكمەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] داستان، غەزەللەرنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇيدىغان كىشى؛ ھاپىز.

ھۆكۈم

  • ھۆكۈم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى ئېنىق پىكىر، خۇلاسە:[مىسال:] ھۆكۈم قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بۇيرۇق، ئەمر، پەرمان:[مىسال:] ھۆكۈمنىڭ قاتتىقلىقىدىن يېكەن قوزۇق يەرگە كىرىپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سوتنىڭ قاراپ چىقىشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان دېلولار ئۈستىدە چىقارغان قارارى:[مىسال:] ھۆكۈم خېتى. ھۆكۈم ئېلان قىلماق.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>لوگ<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە كېسىم قىلغۇچى تەپەككۈر شەكلى. ئۇ جۈملە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ھۆكۈملەر ئاددىي ھۆكۈم ۋە قوشما ھۆكۈم دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.

ھۆكۈم سۈرمەك

  • ھۆكۈم سۈرمەك[يەشمىسى:] ① ئۆز ھۆكۈمىنى ئۆتكۈزمەك. ھۆكۈمرانلىق قىلماق، دەۋر سۈرمەك:[مىسال:] تۇرپاندىكى ئىدىقۇت خانلىقى بۇندىن 1133 يىل ئىلگىرى قۇرۇلۇپ، 400 يىل ھۆكۈم سۈرگەن.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بولۇۋاتقان ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز، سۆھبەت ئۆز ھالىتىنى ئۆزگەرتمەي، سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئارىمىزدا خېلى ئۇزۇنغىچە ئېغىر سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى.

ھۆكۈما

  • ھۆكۈما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تېۋىپ، دوختۇر:[مىسال:] مۇھەممەت بېشىر ۋاڭ زامانىسىدا خوتەن، يەكەن، قەشقەر تەرەپلەردىن ھۆكۈمارلار تەكلىپ قىلىنىپ، قۇمۇلدا تىبابەتچىلىك راۋاج تاپقان.[يەشمىسى:] ② دانىشمەن، ئالىم، پەيلاسوپ، ئالدىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى:[مىسال:] ئەلقىسسە، پادىشاھ ھۆكۈمالارنى يەنە بىر قېتىم يىغىپ ئوغلىنىڭ بەخت-تەلىيىنى سورىغانىدى.

ھۆكۈمەت

  • ھۆكۈمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دۆلەتنىڭ مەمۇمىي ئورگانلىرى:[مىسال:] مەركىزىي ھۆكۈمەت. ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى.[يەشمىسى:] ② دۆلەت، ھاكىمىيەت:[مىسال:] ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرماق. ھۆكۈمەت تەشكىللىمەك.

ھۆكۈمەتسىز

  • ھۆكۈمەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆكۈمىتى يوق، ھۆكۈمىتى بولمىغان، ھۆكۈمەتتىن مەھرۇم:[مىسال:] ھۆكۈمەتسىز ھالەت.

ھۆكۈمەتسىزلىك

  • ھۆكۈمەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئىنكار قىلىپ، ھەرقانداق تەشكىلات، ئىنتىزام ۋە نوپۇزغا قارشى تۇرۇش.[يەشمىسى:] ② تەشكىلىي ئىنتىزامغا بويسۇنماسلىق.

ھۆكۈمچى

  • ھۆكۈمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆكۈم چىقارغۇچى، باھا بەرگۈچى.

ھۆكۈمدار

  • ھۆكۈمدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئالىي ھوقۇق ئىگىسى، ھۆكۈمدارلىق قىلغۇچى:[مىسال:] بۇ گەپنىڭ قانچىلىك راستلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدا ھۆكۈمدارلاردىكى مىجەز-خۇلقىنىڭ بىر تەرىپى ئەكس ئېتىلگەن.

ھۆكۈمدارلىق

  • ھۆكۈمدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئالىي ھوقۇقنى تۇتۇش، ھۆكۈمرانلىق.

ھۆكۈمران

  • ھۆكۈمران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى؛ ئالىي ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەت ئىگىسى:[مىسال:] ئەمدى بىز ئاراللار ۋە يەتتە ساراينىڭ ھۆكۈمرانى غەيۇر شاھ ۋە ئۇنىڭ گۈزەل قىزى مەلىكە بۇدۇرغا كېلەيلى. ∥ھۆكۈمران سىنىپ.

ھۆكۈمرانلىق

  • ھۆكۈمرانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەتنى يۈرگۈزۈش، ھۆكۈمدارلىق:[مىسال:] ھۆكۈمرانلىق تەختى.

ھۆكۈملەنگۈچى

  • ھۆكۈملەنگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] ھۆكۈمنىڭ بىر تەركىبى قىسمى، يەنى ھۆكۈمدە پىكىر ئوبيېكتىنى بىلدۈرگۈچى ئۇقۇم. مەسىلەن، «شېكەر تاتلىق نەرسە» دېگەن ھۆكۈمدە «شېكەر» دېگەن ئۇقۇم ھۆكۈملەنگۈچى بولىدۇ.

ھۆكۈملۈك

  • ھۆكۈملۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۆكۈمگە ئىگە.

ھۆكۈملىگۈچى

  • ھۆكۈملىگۈچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] ھۆكۈمنىڭ ئۈچ تەركىبى قىسمىنىڭ بىرى. پىكىر ئوبيېكتىنىڭ بەلگىسى ۋە باشقا ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، «مېتال-توك ئۆتكۈزگۈچى جىسىم» دېگەن بۇ ھۆكۈمدە «توك ئۆتكۈزگۈچى جىسىم» دېگەن ئۇقۇم ھۆكۈملىگۈچى بولىدۇ.

ھۆكۈمنامە

  • ھۆكۈمنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>قانۇن ئىشلىرى<[يەشمىسى:] سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەنزىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسىدە چىقارغان يازما ھۆججىتى.

ھۆكۈنەك

  • ھۆكۈنەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھەرە كۆنىكى.

ھۆڭ

  • ھۆڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق يىغلىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

ھۆڭرەتمەك

  • ھۆڭرەتمەك[يەشمىسى:] «ھۆڭرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ھۆڭرىتىپ يىغلاتماق.

ھۆڭرەشمەك

  • ھۆڭرەشمەك[يەشمىسى:] «ھۆڭرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار ئەلەمدىن ھۆڭرىشىپ يىغلاپ كېتىشتى.

ھۆڭرىمەك

  • ھۆڭرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۆڭ-ھۆڭ قىلماق، قاتتىق ئاۋاز چىقارماق، (يىغا ھەققىدە):[مىسال:] ئۇ ئەمدى ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.

ھۆڭگىرەك

  • ھۆڭگىرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چاپچىپ ھەر تەرەپكە تاشلىنىش، سەكرەش.

ھۆڭگىرەك ئاتماق

  • ھۆڭگىرەك ئاتماق[يەشمىسى:] چاپچىپ ھەر تەرەپكە تاشلانماق، سەكرىمەك:[مىسال:] ئايتۇراخان تۇيۇقسىز ھۆڭگۈرەك ئېتىپ يىغا سالدى.

ھۆڭگۈرەكلىمەك

  • ھۆڭگۈرەكلىمەك[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] ھۆڭگۈرەك ئاتماق.

ھۆڭڭىدە

  • ھۆڭڭىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بىردىنلا ئۈن سېلىپ، توساتتىن قاتتىق ئاۋاز بىلەن؛[مىسال:] ئۇ ھۆڭڭىدە يىغلىۋەتتى.

ھۆڭ-ھۆڭ

  • ھۆڭ-ھۆڭ[يەشمىسى:] «ھۆڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى ئۇ ئېرىنى ھۆڭ-ھۆڭ يىغلاپ تىترىگىنچە قۇچاقلىدى.

ھۆل

  • ھۆل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① سۇ يۇققان، سۇ ئىچىۋالغان، نەم:[مىسال:] ھۆل كىيىم. ھۆل بولماق.[يەشمىسى:] ② يېڭى ئۈزۈلگەن ياكى يېڭى ئورۇلغان، سۈيى ياكى شىرىسى قاچمىغان، قۇرۇمىغان ھۆل مېۋە، ھۆل نوتا. ھۆل ياغاچ. ھۆل بېدە.

ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك

  • ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك[يەشمىسى:] پەقەت جايىغا چۈشمىگەن، لايىقىدا بولمىغان قاملاشمىغان؛ داڭقان پۇتى (گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت ھەققىدە):[مىسال:] ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك ئاڭلانغان بۇ پەرمان تاقەتسىزلىنىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېھىرلىگەندەك قاتۇرۇپ قويدى.

ھۆل تەمرەتكە

  • ھۆل تەمرەتكە[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] بىر خىل تېرە كېسىلى. كۆپىنچە يۈز، ئۇرۇقدان خالتىسى ياكى تۆت مۈچىنىڭ ئېگىلىدىغان قسمىدا پەيدا بولىدۇ. كۆپرەك نېرۋا سېستېمىسىنىڭ فۇنكسىيىسى توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا، تېرە قىزىرىش، قىچىشىش، دۆڭچە ئەسۋىلەر ياكى سۇلۇق قاپارتقۇلار پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ساقايغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئاسانلا قايتا پەيدا بولىدۇ.

ھۆل خىشقا دەسسىمەك

  • ھۆل خىشقا دەسسىمەك[يەشمىسى:] ئالدانماق، قىلتاققا چۈشمەك:[مىسال:] سىلى، ئۆزلىرى دىسە ئادەتتىكى ھۆرمەتقۇ دەپ ئويلاپ ھۆل خىشقا دەسسەپتىمەن.

ھۆلتەن

  • ھۆلتەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تىرىك جان.

ھۆلچىلىك

  • ھۆلچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆل-يېغىن، نەملىك بىلەن تولغان، ھۆل بولۇپ كەتكەن ھالەت.

ھۆل-قۇرۇق

  • ھۆل-قۇرۇق[يەشمىسى:] ھۆل ۋە قۇرۇق:[مىسال:] ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق (ماقال).

ھۆللەتمەك

  • ھۆللەتمەك[يەشمىسى:] «ھۆللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھۆللەشمەك

  • ھۆللەشمەك[يەشمىسى:] «ھۆللىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھۆللەنمەك

  • ھۆللەنمەك[يەشمىسى:] «ھۆللىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھۆللۈك

  • ھۆللۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۆل، نەم ھالەت؛ نەملىك:[مىسال:] يەرنىڭ ھۆللۈك دەرىجىسى بەك يۇقىرى.

ھۆللىمەك

  • ھۆللىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۆل قىلماق، نەم قىلماق:[مىسال:] ھارۋىكەش يەرگە چۈشۈپ كېيىنكى ھارۋىلاردىن سۇ ئېلىپ تامىقىنى ھۆللىگەندىن كېيىن ئاندىن يېتىشىپ كېلىپ ھارۋىغا چىقتى.

ھۆل-يېغىن

  • ھۆل-يېغىن[يەشمىسى:] ھۆل ۋە يېغىن، قار، يامغۇر قاتارلىقلار؛ يامغۇر-يېشىن:[مىسال:] ھۆل-يېغىن مىقدارى.

ھۆمۈدەشمەك

  • ھۆمۈدەشمەك[يەشمىسى:] «ھۆمۈدىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھۆمۈدىمەك

  • ھۆمۈدىمەك[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] نەپسى قىسىلماق، دېمى سىقىلماق، ھاسىرىماق:[مىسال:] ئۇلار ھەر ئىككىسى ھاسىرايتتى، ھۆمۈدەيتتى.

ھۈ

  • ھۈ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئاياللارنىڭ ئاۋاز چىقىرىپ ئۈزۈلدۈرمەي يىغىلغان چاغدا چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ھۈ تارتىپ يىغلىماق.

ھۈپ

  • ھۈپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] شامالسىز ۋە نەپەسنى قىيىنلاشتۇرىدىغان دەرىجىدىكى دىمىق ھەم ئىسسىق ھاۋادىن يۈز بېرىدىغان ھالەت:[مىسال:] ھۈپ ئۆتمەك.

ھۈپپىدە

  • ھۈپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ھۈپ»قىلغان ھالدا «ھۈپ»قىلىپ:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزى ھۈپپىدە قىزاردى. رەڭمۇرەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېھىلدى.

ھۈپلەتمەك

  • ھۈپلەتمەك[يەشمىسى:] «ھۈپلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۈزۈمنى ھۈپلىتىپ قويماق.

ھۈپلىمەك

  • ھۈپلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① زىرائەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى قېلىن، زىچ بولۇپ كېتىپ، ئاپتاپ كۆرمەي شامال تەگمەي، تىنىق ئىسسىقتا دىمىقىپ ھۈپلەپ قاپتۇ. * بۇ يىل ئىسسىق قاتتىق بولغانلىقتىن، بۇغدايلار ھۈپلەپ يېتىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② قىزىق ۋە تىنجىق ئاپتاپ تەسىرىدىن نەملىكى قېچىپ سولماق.[يەشمىسى:] ③ قىزىق، تىنجىق ئاپتاپتا ئۇزۇن تۇرۇش سەۋەبىدىن كېسەل بولماق، ئاپتاپ ئۆتمەك، ئىسسىق ئۆتمەك.

ھۈپ-ھۈپ

  • ھۈپ-ھۈپ[يەشمىسى:] «ھۈپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى، چىڭقى چۈشتىكى كېۋەزلەرنىڭ ھۈپ-ھۈپ ئىسسىقىدا زادىلا چىدىغىلى بولمىدى.

ھۈجەيرە

  • ھۈجەيرە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] «كىلېتكا»غا قاراڭ.

ھۈرپەيتمەك

  • ھۈرپەيتمەك[يەشمىسى:] «ھۈرپەيمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھۈرپەيمەك

  • ھۈرپەيمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، بىرەر نەرسە تۈپەيلى كەيپىياتىنى بۇزماق، تەرىنى تۈرمەك:[مىسال:] دەردىنى بىراقلا تۆكۈۋېتىشكە ئورۇن تاپالمىغان زەيتۇنە بوينىنى شاپتۇل قېقىپ قىزلارغا ھۈرپەيدى.

ھۈرپىيىشمەك

  • ھۈرپىيىشمەك[يەشمىسى:] «ھۈرپەيمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئولتۇرۇشتىكىلەر ياش يىگىتكە ھۈرپىيىشتى.

ھۈررەك

  • ھۈررەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قاتتىق ئۇرۇلۇشى ياكى باشقا سەۋەبتىن ئادەم بەدىنىنىڭ بىرەر جايىغا چىقىدىغان نەرسە، گادا:[مىسال:] ئۇ پېشانىسىدىكى مۇشتۇمدەك ھۈررەكنى سېلىغىنىچە قىڭغىيىپ ئۇيقۇغا كەتتى.

ھۈررەكلەشمەك

  • ھۈررەكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھۈررەك ھالەتكە كەلمەك، گادا پەيدا بولماق، تومپىيىپ چىقماق:[مىسال:] يول ئازابىدىن ئۇنىڭ پۇتلىرى ھۈررەكلەشتى.

ھۈررەكلىك

  • ھۈررەكلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۈررەك پەيدا بولغان، ھۈررەكلەشكەن:[مىسال:] ئۇ پۇتىدىكى ھۈررەكلىك قاپارتمىلارنى ئەمچىگە كۆرسەتتى.

ھۈررەك-ھۈررەك

  • ھۈررەك-ھۈررەك[يەشمىسى:] «ھۈررەك» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ھۈررەك-ھۈررەك بىر نىمىلەر چىقىپ كېتىپتۇ.

ھۈرمەك

  • ھۈرمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① كونا ئادەت بويىچە دۇئا، دۇرۇت ئوقۇپ سۈپ دېمەك، سۈپكۆچلىمەك، دەم سالماق:[مىسال:] ئانا قورققىنىدىن ياقىسىنى تۇتۇپ بىرنېمىلەرنى پىچىرلاپ ئوقۇپ ھۈرگىلى تۇردى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خىرقىرىماق، خىرىس قىلماق، قاۋىماق:[مىسال:] ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر (ماقال).

ھۈل

  • ھۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوتنىڭ ئىسىق تەپتى:[مىسال:] ئوتنىڭ ھۈلى.

ھۈمەلچاي

  • ھۈمەلچاي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇننى ياغدا قورۇپ، ئۇنىڭغا شېكەر، سۇ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدىغان چاي.

ھۈممە

  • ھۈممە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. بال س.[يەشمىسى:] ئۇسسۇزلۇق، ئىچىملىك، سۇ.

ھۈنەر

  • ھۈنەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىلەر ئۆگىنىپ، ماھارىتىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنى قامدايدىغان كەسىپ، مۇلازىمەت:[مىسال:] ھۈنەر قىلماق. قول ھۈنەر. * ھۈنىرى بار قول ئۆلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۇستىلىق، سەنئەت، ماھارەت:[مىسال:] ھۈنىرىنى كۆرسەتمەك.[يەشمىسى:] ③ چارە-تەدبىر، ھىيلە-مىكىر، ھەييارلىق:[مىسال:] ھۈنەر ئىشلەتمەك.[يەشمىسى:] ④ خۇي، قىلىق:[مىسال:] ھۈنەر چىقارماق.

ھۈنەر-سەنئەت

  • ھۈنەر-سەنئەت[كەسىپ تۈرى:]>گۈزەل سەنئەت<<[يەشمىسى:] شەكىل يارىتىش سەنئىتىنىڭ بىرى. ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىرى كۈندىلىك بۇيۇملار ھۈنەر-سەنئىتى، يەنى زىننەتلەپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى مەسىلەن، بوياقچىلىق، فار-فورچىلىق، ئۆي سايمانلىرى ھۈنەر-سەنئىتى؛ يەنە بىرى زىننەت ھۈنەر-سەنئىتى، يەنى مەخسۇس تاماشا قىلىپ ھۇزۇرلىنىدىغان زىننەت بۇيۇملار. مەسىلەن، پىل چىشى ئويمىچىلىقى، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، زىننەتلىك رەسىم قاتارلىقلار.

ھۈنەرسىز

  • ھۈنەرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۈنىرى يوق، ھۈنەر ئۆگەنمىگەن:[مىسال:] ھۈنەرسىز قالماق.

ھۈنەرلىك

  • ھۈنەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھۈنىرى بار، ھۈنەر-كەسىپ ئۆگەنگەن؛ ئۇستا:[مىسال:] گۆھەرلىك بولۇشتىن ھۈنەرلىك بولۇش ئارتۇق (ماقال).

ھۈنەرۋەن

  • ھۈنەرۋەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ھۈنەرنى ئىگىلىگەن ئۇستا؛ كاسىپ:[مىسال:] بۇ يىگىت سودىگەر ئەمەس ھۈنەرۋەندەك قىلىدۇ. ∥شۇنداق قىلىپ، پادىشاھنىڭ بۇ گۈزەل قىزى ئاشۇ ھۈنەرۋەن يىگىتنىڭ بوپتۇ.

ھۈنەرۋەنلىك

  • ھۈنەرۋەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۈنەرۋەن، كاسىپلار قىلىدىغان ئىش؛ كەسىپ.

ھېجىر

  • ھېجىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] سېغىز توپىدىن ياسىلىپ، خۇمداندا پىشۇرۇلغان ساپال چىنە؛ غېدىر.

ھېجىقىز

  • ھېجىقىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەرلىك خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقان، ئاياللارغا ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئۆگىنىپ قالغان ئەر؛ بەچچە، كۆت، قوڭچى.

ھېچ

  • ھېچ[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پەقەت بولۇشسىز جۈملىلەردىلا كېلىپ، «ئەسلا، زادى، پەقەت» مەنىسىدە مەلۇم كۆپ سانلىق شەيئىنىڭ ياكى ھەر خىل بەلگە، سان، مىقدارى ۋاقىتلارنىڭ ھەرقاندىقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] كۆپنى بىلمىگەن ئازنى ھېچ بىلمەس (ماقال).[يەشمىسى:] ② بەزى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ بىرىككەن سۆز (بىرىككەن ئالماش) ياسايدۇ:[مىسال:] ھېچكىم. ھېچنېمە. ھېچقانداق. ھېچقايسى. ھېچقاچان.

ھېچ قەيەر

  • ھېچ قەيەر[يەشمىسى:] ھەرقانداق بىر يەر:[مىسال:] ياخشىلىقنى ھېچكىم ھېچ قەيەردە ئۇنتۇمايدۇ ۋە ياخىشلىق يەردە قالمايدۇ.Ⅸ机?تۈرى: 句مىسال: 句مىسال: يوقسۇل بولساڭ بايلار بىلەن دوست بولما، كەمبەغەل بىلەن ھېچ كىشى دوست بولمايدۇ.

ھېچ گەپ ئەمەس

  • ھېچ گەپ ئەمەس[يەشمىسى:] ① ئوڭاي، ئاسان، قىيىن ئەمەس:[مىسال:] بىر ئادەمنى كۆتۈرۈپ ئۇرۇش ئۇلارغا ھېچ گەپ ئەمەس.[يەشمىسى:] ② ئەجەب ئەمەس، ئەجەبلىنىشكە بولمايدۇ:[مىسال:] قېنى بېرىپ باقايلى، ئەپلىشىپ قالسا، ھېچ گەپ ئەمەس.

ھېچ گەپنىڭ تايىنى يوق

  • ھېچ گەپنىڭ تايىنى يوق[يەشمىسى:] ھېچبىر ئىش بولمايلا، گەپ-سۆز ئۆتۈلمەيلا:[مىسال:] ھېچ گەپنىڭ تايىنى يوق، ئۇنى تاشلىۋەتمەكچىمۇ پەرىدەنىڭ ئۇنىڭدىن نەرى كەم.

ھېچ گەپ يوق

  • ھېچ گەپ يوق[يەشمىسى:] ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئەيىب ئەمەس:[مىسال:] ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئېچىلىپ قالسا، ھۇيت-ھۇيت (ماقال).

ھېچ نەرسە

  • ھېچ نەرسە[يەشمىسى:] ھەرقانداق بىر نەرسە، ھېچنېمە:[مىسال:] بالام، قورقماس ئادەمدىن ھېچ نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، دەپتۇ.

ھېچ نەرسە ئەمەس

  • ھېچ نەرسە ئەمەس[يەشمىسى:] مۇھىم ئەمەس، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، ئۇ بىز ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئەمەس.

ھېچ ۋاقىت

  • ھېچ ۋاقىت[يەشمىسى:] «ھېچقاچان»غا قاراڭ.

ھېچ ۋەقەسى يوق

  • ھېچ ۋەقەسى يوق[يەشمىسى:] زەرەرى يوق، ھېچ نەرسە بولمايدۇ، كارايىتى چاغلىق.

ھېچ ئىش كۆرمىگەن

  • ھېچ ئىش كۆرمىگەن[يەشمىسى:] بېشىغا كۈن چۈشمىگەن، بېشىدىن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتمىگەن، تۇرمۇش تەجرىبىسى يوق.

ھېچ ئىش يوق

  • ھېچ ئىش يوق[يەشمىسى:] چاتاق يوق، مەسىلە يوق:[مىسال:] ئەنسىرىمەڭ، ئۆيدىن چىقمايلا ئولتۇرسىڭىز ھېچ ئىچ ئىش يوق.

ھېچبولمىسا

  • ھېچبولمىسا[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+بولمىسا[[يەشمىسى:] «ھېچبولمىغاندا»غا قاراڭ:[مىسال:] توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق، تاپقۇسى ھېچ بولمىسا، بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز.

ھېچبولمىغاندا

  • ھېچبولمىغاندا[سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+بولمىغاندا[[يەشمىسى:] بولمىدى دېگەندە، ئاز دېگەندە؛ ئىلاج بولمىغان تەقدىردە:[مىسال:] پادىشاھىئالەم، توخۇ بېقىشنى بىلمەيدىكەنسىز. دەپتۇ ئەپەندىم، ھېچبولمىغاندا، 40 مېكىيانغا بىر خوراز بولمىسا بولامدۇ

ھېچبىر

  • ھېچبىر[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+بىر[[يەشمىسى:] ① ھەرقانداق بىر:[مىسال:] ئۆمرۈمدە ھېچبىر خوتۇن بىلەن شۇ خىل مۇئامىلە قىلغان ئەمەسمەن.[يەشمىسى:] ② پەقەت، زادى:[مىسال:] تۇرسۇن ھېچ ئىككىلەنمەيلا «بارمايمەن» دېدى.

ھېچقاچان

  • ھېچقاچان[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+قاچان[[يەشمىسى:] ھەرقانداق ۋاقىتتا پەقەت، زادى، ئەسلا، مۇتلەق:[مىسال:] كاۋا ھېچقاچان قوغۇن بولماس (ماقال).

ھېچقانچە

  • ھېچقانچە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+قانچە[[يەشمىسى:] ئازغىنە، ئاز مىقداردا؛ كۆپ ئەمەس:[مىسال:] مەپىگە چۈشكەن بىلەن ھېچنەلەر كۆرۈنمەيدۇ. يار بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر ھېچقانچە بىلىنمەيدۇ.

ھېچقانداق

  • ھېچقانداق[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+قانداق[[يەشمىسى:] ھەرقانداق بىر خىلدىكى:[مىسال:] ھېچقانداق ئادەم. ئۇلارنى توساپ قېلىشقا ھېچقانداق ۋاقىت. ∥ئەمدى ئۇلارنى توساپ قېلىشقا ھېچقانداق ئامال يوق ئىدى.

ھېچقايسى

  • ھېچقايسى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+قايسى[[يەشمىسى:] ھەرقانداق بىر. ھېچبىر:[مىسال:] دەللاللار، بازارغا كەلگەن كېنىزەكلەرنى ۋەزىرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا ياقماپتۇ.

ھېچقىسى

  • ھېچقىسى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] «ھېچقىسى يوق»قا قاراڭ.

ھېچقىسى يوق

  • ھېچقىسى يوق[يەشمىسى:] ھېچ ۋەقەسى يوق، كېرەك يوق، كارى چاغلىق:[مىسال:] ھېچقىسى يوق، بىزمۇ ئادەم بالىسى ئەمەسمۇ، بولۇۋېرىدۇ، دەپتۇ تاز گەدىنىنى قاشلاپ.

ھېچكىم

  • ھېچكىم[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+كىم[[يەشمىسى:] ھېچقانداق ئادەم، ھېچ كىشى، ھېچبىر ئادەم:[مىسال:] يالغانچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەس (ماقال).

ھېچنە

  • ھېچنە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ھەرقانداق يەر، ھېچقاياق، ھېچقەيەر:[مىسال:] بۈگۈن ھېچنەگە بارمىدىم.

ھېچنېمە

  • ھېچنېمە[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[قۇرۇلمىسى:]]ھېچ+نېمە[[يەشمىسى:] ھەرقانداق بىرنەرسە، ھېچ نەرسە:[مىسال:] ئۇ يان ئويلاپ، بۇ يان ئويلاپ ھېچنېمە تاپالمىدۇق.

ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق

  • ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق[يەشمىسى:] بىرەر ئاساسى، سەۋەبى بولمىغان ھالدا، بىكاردىن-بىكارغا:[مىسال:] ھېچنېمىدىن ھېچنىمە يوق، مۇنداق قىلىشساق، باشلىغان ئىشىمىزنى قانداق قىلىپ باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ

ھېرىپ-چارچاپ

  • ھېرىپ-چارچاپ[يەشمىسى:] ھېرىپ ۋە چارچاپ:[يەشمىسى:] قەمەرۇز زامانمۇ ئاچلىقتىن ئۇسسۇزلىقتى[مىسال:] ن ھېرىپ-چارچاپ، دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.

ھېرىپ-ئېچىپ

  • ھېرىپ-ئېچىپ[يەشمىسى:] ھېرىپ ۋە ئېچىپ، ھېرىپ-چارچاپ، مىڭ تەسلىكتە، ئاران-ئاران:[مىسال:] ئۇ بۇ يەرگە پىيادە ماڭغانچە ھېرىپ-ئېچىپ يۈرۈپ، چۈش-پېشىنلەردە ئاران يېتىپ كەلگەنىدى.

ھېرىس

  • ھېرىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرنەرسىگە ئىشتىياق باغلىغان، كۆڭۈل قويغان، ئىشقىۋاز، ئامراق:[مىسال:] ئۇ باغۋەنچىلىككە ھېرىس ۋە گۈلخۇمار ئادەم ئىدى.

ھېرىسلىك

  • ھېرىسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرنەرسىگە ئىشتىياق بىلەن بېرىلىش، ئىنتىلىش، قىزىقىش؛ ئامراقلىق:[مىسال:] بوۋاي ناتونۇش يولۇچىغا ھېرىسلىك بىلەن ئۇزاق تىكىلىپ قارىدى.

ھېرىسمەن

  • ھېرىسمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا ياكى بىرەر نەرسىگە ئادەتتىن تاشقىرى بېرىلىدىغان، قىزىقىدىغان، ئىنتىلىدىغان؛ مەستانە، ئامراق:[مىسال:] ناخشىغا ھېرىسمەن كىتابقا ھېرىسمەن.

ھېرىسمەنلىك

  • ھېرىسمەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرنەرسىگە ئىشتىياق بېرىلىدىغان، قىزىقىدىغان، ھالەت، ئامراقلىق:[مىسال:] چايچى ئايال چايخانىدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان ئىككى قىزنىڭ ئارقىسىدىن ھېرىسمەنلىك بىلەن قارىغىنىچە بىرھازا تۇرۇپ قالدى.

ھېرىقماق

  • ھېرىقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھارماق، چارچىماق.

ھېزى

  • ھېزى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھۇشيار، دىققەت، پەخەس، ئاگاھ:[مىسال:] ھېزى بولماق.

ھېس (ھېسسى)

  • ھېس (ھېسسى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيىتىنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى ئىنكاسى:[مىسال:] دوستلۇق ھېسسى. شاتلىق ھېسسى. ھېس قىلماق.

ھېس قىلماق>پسىخولوگىيە<

  • ھېس قىلماق>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] دەسلەپكى تونۇشقا كەلمەك؛ سەزمەك، تۇيماق.

ھېساب

  • ھېساب[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى ساناپ ئېنىقلاش، ساناش:[مىسال:] ئاغزاكى ھېساب. ھېسابدىن ئاداشماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] (تەۋەلىك قوشۇمچىسى بىلەن كېلىپ) تەخمىن، چاما، مۆلچەر:[مىسال:] مېنىڭ ھېسابىمغا قارىغاندا. ئۇنىڭ ھېسابىچە. * ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەلمەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساناق ئىدىت؛ مىقدار، سان:[مىسال:] ئوتتۇرا ھېساب. ھېسابى يوق.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تىزىم، تىزىملىك:[مىسال:] ياچېيكا ھېسابىدا 13 پارتىيە ئەزاسى بار.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] تەۋەلىك ۋە يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ: 1) بىرەر كىم ياكى ماددىي بايلىق، ئوزۇق-تۈلۈك پۇل:[مىسال:] ئۇلار كىمنىڭ ھېسابىغا ياشايدۇ[يەشمىسى:] 2) بىرەر كىم ياكى نەرسە ئۈچۈن، بىرەر كىم ياكى نەرسىنىڭ پايدىسىغا، ئورنىغا:[مىسال:] قاسىم بۇ يىل 10-ئايدا بىر يىللىق ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، قالغان ئىككى ئايدا بولسا كېلەر يىل ھېسابىغا ئىشلىدى.[يەشمىسى:] 3) بىرەر كىم ياكى نەرسە تۈپەيلى بىرەر كىم ياكى نەرسىدىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن:[مىسال:] ئۇ، بۇ بىر-ئىككى يىلدىن بېرى شېركەتنىڭ مەبلىغى ھېسابىغا بېيىدى.[يەشمىسى:] 4) بىرەر كىم ياكى نەرسىنىڭ بەدىلىگە ئورنىغا:[مىسال:] ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوتۇنلىرىنى يېرىپ بېرىش، سۇلىرىنى توشۇپ بېرىش ۋە مال-ۋارانلىرىنى بېقىپ بېرىش ھېسابىغا تىرىكچىلىك قىلاتتى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] (ئورۇن كېلىش بىلەن كېلىپ) نەزەر-ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ھۆرمەت قىلىنىدىغان، قەدىرلىنىدىغان ئادەم ياكى نەرسىلەر قاتارى:[مىسال:] ئۇلار ئەينى چاغدا ئاتاقتا بار، ھېسابتا يوق كىشىلەر ئىدى.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] (يۆنىلىش كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ياكى ئالماشلارنىڭ ئالدىدا كېلىپ) مەنسۇپ، تەۋە:[مىسال:] بولدى. ماڭا ھېساب، دېدى-دە، يىگىت بۇرۇلۇپ سېلىم ئاكىغا قاراپ سۆزىنى داۋام قىلدى، بولدى، سىز كېتىڭ، قالغان ئىشنى مەن سۆزلىشىمەن.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كۈچكە ئىگە؛ باراۋەر؛ توغرا:[مىسال:] قېرىنداشلار:[مىسال:] دۇرۇس، ئالماسنىڭ دېگىنى ھېساب، گەپ يوق، ئالماسقا ئىشىنىمىز، دېيىشتى.[يەشمىسى:] ⑨ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېسابات؛ ھېساب-كىتاب:[مىسال:] بۇ ھېساب تۈگىدى. قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.[يەشمىسى:] 01 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئارىفمېتىكا:[مىسال:] ئۇ ھېسابقا ئۇستا ئى.[يەشمىسى:] 11 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىلاج، تەدبىر؛ ئىمكانىيەت:[مىسال:] پۇل تاپقۇچە ھېساب تاپ (ماقال).[يەشمىسى:] 21 [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نەتىجە:[مىسال:] ئاخىرقى ھېسابتا.

ھېساب ئەمەس

  • ھېساب ئەمەس[يەشمىسى:] ① ئىناۋەتسىز:[مىسال:] ئېلىقۇلنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، [يەشمىسى:] ② كۇپايە قىلمايدۇ:[مىسال:] قىزىم، پۇل تېپىشتا ھۈنەر قىلىشنىلا بىلگەن بىلەن ھېساب ئەمەس، دېدى ئانا.

ھېسابتا بار، ھەمدەمدە يوق

  • ھېسابتا بار، ھەمدەمدە يوق[يەشمىسى:] نام، ئاتاقتا بار، ئەمەلىي ئىشتا يوق:[مىسال:] تۇغقان، تۇغقان دەيدىكەنسىلەر، ئۇنداق ھېسابتا بار، ھەمدەمدە يوق تۇغقاندىن يات ياخشى.

ھېسابىنى ئالماق

  • ھېسابىنى ئالماق[يەشمىسى:] مەسئۇلىيىتىنى، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەك:[مىسال:] *مەن ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ بەرىبىر ھېسابىنى ئالىمەن.

ھېسابى يوق

  • ھېسابى يوق[يەشمىسى:] ناھايىتى جىق، نۇرغۇن، سانسىز:[مىسال:] گىلەمچىلىك كارخانىمىز ئىشقا كىرىشىپ كەتسە، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان پايدىنىڭ ھېسابى يوق.

ھېسابات

  • ھېسابات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھېسابلاش ئىشلىرى؛ ھېساب:[مىسال:] ھەي، سىز بىر ئۆمۈر ھېسابات بىلەن شۇغۇللانغان ئادەمغۇ[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>سودا<[يەشمىسى:] پۇل، مال، يۈك قاتارلىقلارنىڭ كىرىم-چىقىم خاتىرىسى:[مىسال:] ھېسابات دەپتىرى. ھېسابات تالونى. ھېسابات جەدۋىلى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆز ئىشلىرى، بىرەر تاپشۇرۇق قاتارلىقلارنىڭ بېجىرىلىشى ۋە شۇ قاتارلىقلار ھەققىدە رەھبەرلىك، تەشكىلات ياكى جامائەتچىلىك ئالدىدا ئاغزاكى يازما رەۋىشتە بېرىلىدىغان رەسمىي ئاخبارات؛ دوكلات:[مىسال:] يىللىق ئىشلار ھېساباتى. * بىلىپ قوي، بىزنىڭ سەندىن ئالىدىغان ھېساباتىمىز تېخى بۇرۇنقىدەك ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.

ھېساب-چوت

  • ھېساب-چوت[يەشمىسى:] ھېساب ئېلىش، ھېسابلاش ئىشلىرى:[مىسال:] ھېساب-چوتنى ئاياغلاشتۇرماق.

ھېسابچى

  • ھېسابچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېساب قىلىدىغان، ھېسابلايدىغان ئادەم:[مىسال:] ئەتراپىمىزدىكى ھېسابچىلار ھەممىنى ھېسابلاپ تۇرىدۇ.

ھېسابسىز

  • ھېسابسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان، ناھايىتى نۇرغۇن، سانسىز، بىھېساپ:[مىسال:] ھېسابسىز مال. ھېسابسىز پۇل

ھېساب-كىتاب

  • ھېساب-كىتاب[يەشمىسى:] ھېسابلش، ھېسابلاش ئىشلىرى:[مىسال:] ھېساب-كىتاب قىلماق.

ھېسابلاتماق

  • ھېسابلاتماق[يەشمىسى:] «ھېسابلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھېسابلاش

  • ھېسابلاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بېرىلگەن سانلارغا ئاساسەن ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق نامەلۇم ساننى تېپىش.

ھېسابلاش ماشىنىسى

  • ھېسابلاش ماشىنىسى[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بارالايدىغان ماشىنا. بۇنىڭ بەزىلىرى مېخانىزملارنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ياسىلىدۇ، مەسىلەن، قول بىلەن ئايلاندۇرۇلىدىغان ھېسابلاش ماشىنىسى؛ بەزىلىرى ئېلېكترونلۇق ئېلېمېنتلاردىن ياسىلىدۇ، مەسىلەن، ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى.

ھېسابلاشماق

  • ھېسابلاشماق[يەشمىسى:] «ھېسابلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھېسابلاقلىق

  • ھېسابلاقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېساب قىلىنغان، ھېسابى ئېلىنغان، ھېسابلانغان.

ھېسابلانماق

  • ھېسابلانماق[يەشمىسى:] «ھېسابلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك، مەجھۇل دەرىجىسى.

ھېسابلىغۇچ

  • ھېسابلىغۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] كىچىك تىپتىكى ھېسابلاش ئەسۋابلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ھازىر كۆپرەك ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ئەسۋابلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ھېسابلىق

  • ھېسابلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئۆزئارا ھېسابلاشقان، ھېساب-كىتاب قىلىنغان، ئېلىم-بېرىمدە ئېنىق بولغان:[مىسال:] ھېسابلىق دوست ئايرىلماس.[يەشمىسى:] ② ئانچە كۆپ ئەمەس، چەكلىك مىقداردا، ساناقلىق:[يەشمىسى:] ھېيتقىمۇ ھېسابلىق كۈن قالدى.

ھېسابلىماق

  • ھېسابلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ مىقدارىنى ئېنىقلىماق، ئېدىتىنى ئالماق، سانىماق:[مىسال:] پۇلنى ھېسابلىماق، قول بىلەن ھېسابلىماق. ۋاقىتنى ھېسابلىماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] نامەلۇم بىر مىقدارنى ھېسابلاش يولى بىلەن ئېنىقلىماق، ھېسابلاپ تاپماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] باھالىماق، پەرەز قىلماق، مۆلچەرلىمەك، ئويلىماق، .. دەپ قارىماق:[مىسال:] مەن ئۇنى سىلەر دېگەندەك ئەخمەق ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلايمەن.

ھېس-تۇيغۇ

  • ھېس-تۇيغۇ[يەشمىسى:] ھېس ۋە تۇيغۇ؛ ھېسسىيات:[مىسال:] ئۇ، ئويناق، جۇشقۇنلۇق ۋە سەنتەنەتلىك ئىلى ناخشىلىرىنى ھەربىر ئاڭلىغىنىدا يۈرەك-باغرى ھېس-تۇيغۇلارغا تولاتتى.

ھېسداش

  • ھېسداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەممە شاد-خۇراملىق، غەم-قايغۇسىغا ئورتاقلاشقۇچى كىشى؛ تىلەكداش:[مىسال:] بولۇر ھېسداش گاھى ئەل سەن بىناۋاغا، ئاغرىتىپ ئىچ سەن ناتىۋان بىداۋغا.

ھېسداشلىق

  • ھېسداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] شاتلىق ۋە غەم-قايغۇدا ئورتاق بولۇش، خەيرىخاھلىق:[مىسال:] ھېسداشلىق قىلماق. ھېسداشلىق بىلدۈرمەك.

ھېسسىز

  • ھېسسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى سېزىش ھېس قىلىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم بولغان؛ ھېسسىياتسىز:[مىسال:] شۇنىمۇ بىلمەمسەن بۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز گويا ھېسسىز كۆتەكقۇ

ھېسسىي

  • ھېسسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھېس-تۇيغۇغا، ھېسسىياتقا ئائىت:[مىسال:] ھېسسىي بىلىش. ھېسسىي تۇيغۇ. ھېسسىي ئوبراز.

ھېسسىي بىلىش

  • ھېسسىي بىلىش[كەسىپ تۈرى:]>لوگىكا<[يەشمىسى:] ئوبيېكتىپ شەيئىنىڭ ئايرىم جەھەتى، ھادىسە جەھەتى ۋە تاشقى باغلىنىشى توغرىسىدا سەزگۈ ئەزالىرىمىز ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان بىۋاسىتە بىلىش، ھېس، ئىدراك ۋە تەسەۋۋۇرلار ھېسسىي بىلىش شەكىللىرىدۇر.

ھېسسىيات

  • ھېسسىيات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] تاشقى تەسىرگە بولغان بىرقەدەر كۈچلۈك پسىخىك ئىنكاس:[مىسال:] ھېسسىياتى قوزغالماق. ھېسسىياتى ئىپادىلەنمەك. ھېسسىياتقا بېرىلمەك.

ھېسسىياتچان

  • ھېسسىياتچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرنەرسىدىن تېز ھەم چوڭقۇر تەسىرلىنىدىغان:[مىسال:] ياش ۋە ھېسسىياتچان قىز ئۈچۈن يىگىت توغرىسىدا خىيال قىلىشى ھەم كۆڭۈللۈك ھەم ئازابلىق.

ھېسسىياتچانلىق

  • ھېسسىياتچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرنەرسىدىن تېز تەسىرلىنىدىغان، ھېسسىياتچان ھالەت ۋە مىجەز.

ھېسسىياتسىز

  • ھېسسىياتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] توغرا تېز ۋە چوڭقۇر ھېس قىلالمايدىغان، ھېسسىياتى يوق؛ تەسىر قىلارلىق ھېسسىيات ئىپادىلەنمىگەن:[مىسال:] ئادەتتە، ئادەمنىڭ سېزىمى ھېسسىياتسىز كېلىدۇ دېيىشىدۇ، مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.

ھېسسىياتلىق

  • ھېسسىياتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېسسىياتى بار؛ ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ تۇرغان، باشقىلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان:[مىسال:] ئەلانۇرنىڭ نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان، ھېسسىياتلىق ۋە پەزىلەتلىك قىز ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ∥ئۇ شېئىرنى ناھايىتى ھېسسىياتلىق ئوقۇدى.

ھېسسىيلىق

  • ھېسسىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېس-تۇيغۇنى ئاساس قىلىش، يۈزەكىلىك.

ھېس-ھاياجان

  • ھېس-ھاياجان[يەشمىسى:] ھېس ۋە ھاياجان، ھېسسىيات:[مىسال:] ھېس-ھاياجانغا تولغان كەيپىيات.

ھېسىپ

  • ھېسىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قوينىڭ ياغلىق ئۈچىيىنىڭ ئىچىگە سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان گۈرۈچ، سەۋزە، جىگەر، قوينىڭ ئىچ مېيى قاتارلىقلارنى قۇيۇپ پىشۇرۇلغان بىر خىل يېمەكلىك:[مىسال:] ھېسىپ قويماق. ھېسىپ پىشۇرماق. *ياندا ھېسىپ بولسا يېگىلى ياراپتۇ (ماقال).

ھېشىق

  • ھېشىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] قېلىن، گەپ ئۆتمەيدىغان.

ھېق

  • ھېق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] كېرىگەت مۇسكۇللىرىنىڭ تەسادىپىي قىسقىرىشى بىلەن سۈمۈرۈلگەن ھاۋانىڭ بوغۇزدا قىسىلىش ھالىتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] مۇشۇنداق ھالدا بوغۇزدىن چىققان ئاۋاز.

ھېق تۇتماق

  • ھېق تۇتماق[يەشمىسى:] «ھېق-ھېق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، ھېقىقلىماق.

ھېققىدە

  • ھېققىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «ھېق» قىلغان ھالدا، «ھېق» قىلىپ.

ھېقىق

  • ھېقىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مېنىرال. ئۇ كىرىمنىي كىسلاتالىق كوللوئىدنىڭ قېتىشمىسىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە بىر خىل رەڭدە بولىدۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ھەر خىل ئوخشىمىغان رەڭدىكى قەۋەتسىمان، لېنتىسىمان، سىزىقسىمان، سىزىقلىق گۈلسىمان بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە كۆركەملىكى بىلەن ياقۇت ياكى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى قىلىنىدۇ. ئادەتتە ھېقىقتىن ئوق قازان، ھاۋانچا قاتارلىق سانائەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ.

ھېقىقلىماق

  • ھېقىقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «ھېق-ھېق» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «ھېق-ھېق» قىلماق:[مىسال:] ئۇنىڭ يارىسى يامان، ھوشسىز ھالدا ھېقىقلاپ يېتىپتۇ. قارنىنى تىكتۈرمەكچى بولۇۋىدىم، جەرراھ بولما?漾琦?دېدى.

ھېكايە

  • ھېكايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر كىم، نەرسە، ۋەقە ياكى ھادىسە ھەققىدە ئاغزاكى بېرىلىدىغان ئاخبارات ياكى مەلۇمات؛ بىرەر نەرسىنىڭ ئاغزاكى بايانى، تەپسىلاتى:[مىسال:] ئۇ مەلىكە بەرنا بىلەن ئەقىللىق ئوتۇنچى يىگىت ۋاھىت توغرىسىدا ھېكايە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] نەسرىي يول بىلەن يېزىلغان كىچىكرەك بەدئىي ئەسەر.

ھېكايە فىلىم

  • ھېكايە فىلىم[كەسىپ تۈرى:]>كىنو<[يەشمىسى:] ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشى بىلەن مەلۇم ۋەقەلىكنى بايان قىلىش مەزمۇن قىلىنىپ ئىشلەنگەن كىنو فىلىمى.

ھېكايىچى

  • ھېكايىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھېكايە ئېيتىدىغان، ھېكايە سۆزلەيدىغان كىشى.[يەشمىسى:] ② مەخسۇس ھېكايە يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى؛ يازغۇچى.

ھېكايىچىلىق

  • ھېكايىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېكايە يېزىش ئىشى، كەسپى.

ھېكماچ

  • ھېكماچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىر كالا تارتىدىغان قوش، ساپان.

ھېكمەت

  • ھېكمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھەددىدىن زىيادە دانالىق، دانىشمەنلىك، ئەقىل-ئىدراك:[مىسال:] ۋەتەن ئىشقى بولۇپ دەرمان ئىلىم-پەندىن گۆھەر تاپتى، دىلىمغا سالدى ئۇستازىم ئۆمۈر مەناسى ھېكمەتنى.[يەشمىسى:] ② بىلىش، چۈشنىش قىيىن بولغان يوشۇرۇن، چوڭقۇر مەنە، يوشۇرۇن سىر؛ مۆجىزە:[مىسال:] ئۇرۇش سەنئىتى توغرىسىدىكى كىتابلاردا، بىرى جەڭ، توققۇزى رەڭ دېگەن ھېكمەت بار. شۇ ھېكمەت بويىچە ئىش قىلىمىز.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ھېكمەتلىك

  • ھېكمەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دانالىق بىلەن ئېيتىلغان، چوڭقۇر مەنىلىك، مۆجىزىلىك، سىرلىق:[مىسال:] ھېكمەتلىك سۆز.

ھېكىم

  • ھېكىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۇستا تېۋىپ، دوختۇر:[مىسال:] ھېكىم تەكلىپ قىلماق.[يەشمىسى:] ② دانىشمەن، پەيلاسۇپ:[مىسال:] مەزەمزات ھېكىم خىزمەتكارلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاتنىڭ ئۈستىدە ئوردىغا قاراپ كېتىۋېتىپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ھېلى

  • ھېلى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① بۇندىن بىرئاز ئىلگىرى ياكى بىرئاز كېيىن، يېقىندىلا، ھازىر:[مىسال:] بۇ يەرگە ھېلى كەلدىم.[يەشمىسى:] ② ھازىرقى پەيتتە، ھازىرچە:[مىسال:] تاماق ۋاقتىغا ھېلى بالدۇر. *نادەمنىڭ كۆز يېشى توختىمىدى. ئۇنىڭ يېشى ھېلى توختار ئەمەس ئىدى.[يەشمىسى:] ③ جۈملىدە ئايرىغۇچى، باغلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىپ، «گاھى، بىردەم»، «بىر بولسا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ قوللىرى تىترەپ ئالدىدىكى ھۆججەتلەرنى ھېلى ئۇ ياققا، ھېلى بۇ ياققا ئالاتتى.

ھېلى بىكار

  • ھېلى بىكار[يەشمىسى:] قارشى تەرەپكە مەلۇم تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىق ھەققىدە ھەيۋە بىلەن ئەسكەرتىشنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] غەلىتە گەپ قىلىسىنا، ھېلى بىكار زۇۋانىڭنى دارغا تارتىپ قويىمەن دېدى باجگىر ئاچچىقى كېلىپ.

ھېلىتىن

  • ھېلىتىن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] تېخى ۋاقتى يېتىپ كەلمەستە، تېخى ئىش باشلانماستىن؛ ھازىردىن باشلاپ:[مىسال:] بۇ قىز ھېلىتىن مۇنچە قىلىدۇ، ئەگەر نىكاھىڭغا ئۆتسە. سېنى بۇلجۇتمايدىغانغا ئوخشىمامدۇ

ھېلىدىن-ھېلى

  • ھېلىدىن-ھېلى[يەشمىسى:] «ھېلىدىن-ھېلىغا»غا قاراڭ:[مىسال:] ئۇ ھېلىدىن-ھېلى قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ يۈرۈپ مېھمانلارغا چاي قويماقچى بولاتتى.

ھېلىدىن-ھېلىغا

  • ھېلىدىن-ھېلىغا[يەشمىسى:] بىردەم-بىردەم:[مىسال:] ئۇ ھېلىدىن-ھېلىغا تۈكسىز يوغان بېشىنى قولياغلىقى بىلەن ئېرتىپ تۇراتتى.

ھېلىغىچە

  • ھېلىغىچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھازىرغا قەدەر، تا بۈگۈنگىچە:[مىسال:] «ئەي ئۇلۇغ شاھ» ھېكىم ھېلىغىچە ھېچكىمگە يامانلىق قىلغىنى يوق.

ھېلىقى

  • ھېلىقى[سۆز تۈركۈمى:] ئالماش.[يەشمىسى:] بايىقى، ئابايىقى:[مىسال:] ھەر قېتىم قولىنى يانچۇقىغا سالغاندا ئۇرۇنۇپ تۇرغان ھېلىقى كونۋېرت ئۇنى ئېغىر خىياللارغا باشلايتتى.

ھېلىلە

  • ھېلىلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] چاھار بۇرجەك ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك ياكى سوقىچاق، گۈلى باشاقسىمان گۈل رېتىدە، گۈل تاجىسى يوق، گۈل كاسىسىنىڭ رەڭگى ئاق، مېۋىسى ئۈچكىلىك مېۋە، شەكلى تۇخۇمسىمان، قۇرۇغاندا بەش قىرلىق بولىدۇ. مېۋىسى دورا قىلىنىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، يۆتەل توختىتىش رولى بار.

ھېلىلە قورۇق

  • ھېلىلە قورۇق[يەشمىسى:] يۈزى ھېلىلىدەك پۈرلەشكەن، قورۇق باسقان؛[مىسال:] ھېلىقى ھېلىلە قورۇق كۆزۈمگە «ئاي» كۆرۈنۈپ، نېمىشقا كەينىمگە كىرىۋالىدىكىنە، دېدى ئۇ قىز، خۇددى مېنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ قوي دېگەندەك.

ھېلىمۇ

  • ھېلىمۇ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ھېلىھەم، ھازىرمۇ، ھازىرغىچە:[مىسال:] مەن سىزدىن ھېلىمۇ ئۈمىد قىلىمەن:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى روشەن، نېرۋىسى ھېلىمۇ ساز ئىشلەپ تۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بەختىگە يارىشا؛ ھەرنېمە بولسا:[مىسال:] ھېلىمۇ ياخشى سەن بار ئىكەنسەن، بولمىسا ئىشىم چاتاق ئىدى.

ھېلىھەم

  • ھېلىھەم[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھازىر بولسىمۇ؛ ھېلىمۇ:[مىسال:] ھەي خوجاۋاپا ئۇ چاغلاردا ئۇنىمىدىڭىز. ھېلىھەم بولسىمۇ مەن بىلەن كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىۋېلىڭ، دەپتۇ مېھرى.

ھېيت

  • ھېيت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھىجرىيە ھېسابىدا ھەر يىلى شەۋۋال (10-ئاي) نىڭ 1-كۈنى، زۇلھەججە (12-ئاي)نىڭ 10-كۈنى ئىككى قېتىم كېلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايرىمى:[مىسال:] روزى ھېيت. قۇربان ھېيت:[مىسال:] ھېيت قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئومۇمەن بىرەر مۇۋەپپەقىيەت، غەلىبە مۇناسىۋىتى بىلەن بولىدىغان خۇشاللىق كۈن، بايرام.

ھېيت-ئايەم

  • ھېيت-ئايەم[يەشمىسى:] ھېيت ۋە ئايەم كۈنلىرى.

ھېيت-بايرام

  • ھېيت-بايرام[يەشمىسى:] ھېيت ۋە بايرام:[مىسال:] ئۇلار ھېيت-بايرام، يەكشەنبىلەردە سائەتلىرىنى تاقاپ، بەتىنكىلىرىنى پارقىرىتىپ، كۆزىمىزنى قىزارتىپ يۈرۈۋاتىدۇ.

ھېيتلاتماق

  • ھېيتلاتماق[يەشمىسى:] «ھېيتلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھېيتلاشماق

  • ھېيتلاشماق[يەشمىسى:] «ھېيتلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار كەچكىچە ھېيتلاشتى.

ھېيتلىق

  • ھېيتلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېيت ئۈچۈن تەييارلانغان، ھېيت ئۈچۈن ئاتالغان:[مىسال:] ھەممە ئادەم ھېيتلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىراۋغا بېرىلىدىغان سوۋغا:[مىسال:] ھېيتلىق بەرمەك.

ھېيتلىماق

  • ھېيتلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھېيت كۈنلىرى كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ پەتە قىلماق:[مىسال:] بۈگۈن ماڭىمۇ ھېيت بوپتۇ، دەپ پىچىرلاپ تۇراتتى، بىرنەچچە كىشى ھېيتلاپ كىرىپ قالدى.

ھېيىقتۇرماق

  • ھېيىقتۇرماق[يەشمىسى:] «ھېيىقماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھېيىقماق

  • ھېيىقماق[مىسال:] پ.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، گەپ-سۆز قىلىشتىن تارتىنماق، خىجىل بولماق، قورۇنماق، ئۇيالماق:[مىسال:] باسىتنىڭ ئايخانغا تىكىلگەن كۆزلىرى بىردىنلا يوغىناپ، كىشى ھېيىققىدەك پارقىراپ كەتى.

ھېيىقىشماق

  • ھېيىقىشماق[يەشمىسى:] «ھېيىقماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھىجارىماق

  • ھىجارىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھىجايماق.

ھىجاق

  • ھىجاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھىجىيىپ يۈرىدىغان ئادەم.

ھىجايتماق

  • ھىجايتماق[يەشمىسى:] «ھىجايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھىجايغاق

  • ھىجايغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا ھىجىيىدىغان، ھىجىيىپلا يۈرىدىغان:[مىسال:] ھىجايغاق بالا. ھىجايغاق خوتۇن. * چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر، ھىجايغاق قىزغا يىگىت ئەگىشەر (ماقال).

ھىجايماق

  • ھىجايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىرايىدا بىر خىل يېقىمسىز كۈلكە ئىپادىسى پەيدا بولماق، كۈلۈمسىرىمەك:[مىسال:] خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكۈدەك ھىجايغان مىرزائەخمەت بوسۇغىدا پەيدا بولدى.

ھىجران

  • ھىجران[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] جۇدالىق، ئايرىلىش، پىراق:[مىسال:] ھىجران ئوتىدا كۆيمەك.

ھىجرانلىق

  • ھىجرانلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھىجرانغا مۇپتىلا بولغان، ھىجران ئازابىنى تارتقان:[مىسال:] ھىجرانلىق كۈن. ھىجرانلىق ئەلەم.

ھىجرەت

  • ھىجرەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆز يۇرت-ماكانىدىن كېتىش:[مىسال:] ھىجرەت قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ مىلادىيە 622-يىلدىكى مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈشى. ھىجرەت يەنە ئىسلام كالېندارىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھىجرىيە

  • ھىجرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىي يىلنامىسى. مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە كۆچكەن ۋاقتى يىلنامىنىڭ باشلىنىشى قىلىنغان، بۇ مىلادىيەنىڭ 622-يىل 16-ئىيۇلغا توغرا كېلىدۇ. ھىجرىيىدە بىر يىل 354 ياكى 355 كۈن، يېڭى ئاي كۆرۈنگەن كۈن ئاي بېشى بولىدۇ. تاق ئايلار 30 كۈن، جۈپ ئايلار 29 كۈن بىر يىل 12 ئاي ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيىگە سېلىشتۇرغاندا ھەريلى 10 ياكى 11 كۈن پەرق قىلىدۇ. ھىجرىيىدە كەبىسە يىل، كەبىسە ئاي قوشۇلماي ھېسابلىنىدۇ.

ھىجىيىشماق

  • ھىجىيىشماق[يەشمىسى:] «ھىجايماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

ھىد

  • ھىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ماددىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىش خۇسۇسىيىتى؛ پۇراق، بۇي:[مىسال:] كاۋاپنىڭ ھىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسە، ھادىسە ياكى ھالەتنىڭ بەلگىسى؛ شەپە:[مىسال:] ئۆلۈمنىڭ ھىدى.

ھىدىنى چىقارماسىلىق

  • ھىدىنى چىقارماسىلىق[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، نەرسىنى سىر ساقلاپ، ئۇچۇرىنى، خەۋىرىنى بىلدۈرمەسلىك، شەپىسىنى چىقارماسلىق.

ھىدايەت

  • ھىدايەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پايدىلىق يۆنىلىش، توغرا يول تۇتۇش:[مىسال:] ھىدايەت تاپماق. ھىدايەت قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.

ھىدروكاربون

  • ھىدروكاربون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ھىدروگېن ۋە كاربون:[مىسال:] ھىدروكاربون بىرىكمىلىرى.

ھىدروگېن

  • ھىدروگېن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گاز ئېلېمېنت. بەلگىسى . (Hydrogenium) H ئېلېمېنتلارنىڭ ئەڭ يەڭگىلى، رەڭسىز، پۇراقسىز، ئەڭ كۈچلۈك ئوكسىدسىزلىغۇچى. ھىدروگېننىڭ ئۈچ خىل ئىزوتوپى پروتىيى، دىتىرىي ۋە ترىتىيدىن ئىبارەت.

ھىدروگېنلىق

  • ھىدروگېنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە ھىدروگېن بولغان، ھىدروگېنغا ئىگە:[مىسال:] ھىدروگېنلىق باغ.

ھىدسىز

  • ھىدسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھىدى يوق، پۇرىمايدىغان:[مىسال:] ھىدسىز نەرسە، ھىدسىز يېمەكلىك.

ھىدلاشماق

  • ھىدلاشماق[يەشمىسى:] «ھىدلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] چاقماق مۈڭگۈزلۈك بىر كىچىك قوچقار سىرتتىن كىرىپ، پادىشاھنىڭ بۇقىسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئىككىسى ھىدلاشتى.

ھىدلىق

  • ھىدلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھىدى بار، ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان:[مىسال:] شوق شامال ئېلىپ كېلەر دىماغلارغا، جىگدىنىڭ شېرىن ھىدلىك پۇرىقىنى.

ھىدلىماق

  • ھىدلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھىدىنى دىماغقا تارتماق، پۇرىماق:[مىسال:] ھامىدنىڭ خىيالى پەقەت گۈلىنىلا ھىدلايتتى. گۈل سەيلىسىگىلا ئالدىرايتتى.

ھىراۋۇل

  • ھىراۋۇل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋالىي، تۇتۇق.

ھىرلىگۇدۇڭ

  • ھىرلىگۇدۇڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] گومۇش، كالۋا، دەلدۈش، ھاڭۋاقتى.

ھىسار

  • ھىسار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قورغان.

ھىساربېگى

  • ھىساربېگى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھىسار+بەگ+ئى[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] قورغان ياكى شەھەر باشلىقى.

ھىستېرىيە

  • ھىستېرىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئىنگلىزچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] بىر خىل روھىي كېسەللىك. كۆپىنچە روھىي جەھەتتىكى قاتتىق غىدىقلىنىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ھىڭ

  • ھىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كۈنلۈكسىمان گۈللەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋىسى قوش ئاسماق مېۋە، شەكلى ياپىلاق، سوقىچاق بولىدۇ. غولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈتلۈك شىرنىسى دورا قىلىنىدۇ، توسالغۇلارنى ئېچىش، مەددە چۈشۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

ھىڭگاڭ

  • ھىڭگاڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بۆرتۈپ چىققان؛ توڭكاي (چىش ھەققىدە):[مىسال:] ھىڭگاڭ چىش.

ھىڭگان

  • ھىڭگان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] چىشى تۆگە، قايمال.

ھىڭگايتماق

  • ھىڭگايتماق[يەشمىسى:] «ھىڭگايماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھىڭگايماق

  • ھىڭگايماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېقىمسىز ھالدا ئوچۇق كۆرۈنمەك:[مىسال:] ئەزىز بەگنىڭ كەيپى چاغ ئىدى. گەپ قىلمىسىمۇ ئۇنىڭ سەت چىشلىرى ھىڭگىيىپ تۇراتتى.

ھىلال

  • ھىلال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] يېڭى چىققان ئاي ئۈچ كۈنلۈك ئاي:[مىسال:] گاھ بۇلۇت دېڭىزىدا ئاقار ھىلال، گاھ رۇجەكتىن مۇڭ ئىلكىدە باقار ھىلال. پەيتى ۋاقىت تۈن يېرىمىدىن كەتكەن ئۆتۈپ، ئەھلى يېزا ئېغىر ئۇيقۇ ئىچرە چۆكۈك.[يەشمىسى:] ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

ھىلال ئاي

  • ھىلال ئاي[كەسىپ تۈرى:]>ئاسترونومىيە<[يەشمىسى:] يېڭى چىققان ئاي يەنى يېڭى كۆرۈنگەن ئىككى-ئۈچ كۈنلۈك ئاي.

ھىلبۇۋا

  • ھىلبۇۋا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «ھىلبۇۋا ئوتى»غا قاراڭ.

ھىلبۇۋا ئوتى

  • ھىلبۇۋا ئوتى[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر ئاستىدا توم يىلتىزسىمان غولى مېغىزى دورا قىلىنىدۇ. مەيدە ئېغىرلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

ھىلپىرلىماق

  • ھىلپىرلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يالتىرىماق، پارقىرىماق.

ھىل-ھىل

  • ھىل-ھىل[يەشمىسى:] يۇمشاق، شېرىن:[مىسال:] ھىل-ھىل پىشماق.

ھىلھىلە

  • ھىلھىلە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يۇپقا نەپىس توقۇلغان:[مىسال:] ھىلھىلە ياغلىق.

ھىلھىلە ياغلىق

  • ھىلھىلە ياغلىق[يەشمىسى:] يۇپقا، نەپىس، نېپىز توقۇلغان باش ياغلىقى.

ھىليۇن

  • ھىليۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر ئاستى تۈگۈنەك يىلتىزى گۆشلۈك، غولى ئۇزۇن، ئىنچىكە، يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكلىدە، گۈلى كىچىك، ئاق ياكى سېرىق ئارىلاش، مېۋىسى شىرنىلىك مېۋە، رەڭگى قىزىل. تۈگۈنەك غولىنى يېيىشكە بولىدۇ، دورىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

ھىمⅠ

  • ھىمⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] تەئەججۈپ، شۈبھە، گۇمانسىراش، ئىشەنمەسلىك قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ھىم، دېدى ئۆمەر ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئويلانغان ھالدا ۋە توساتتىن سوراپ قالدى، ئەنۋەر ئاكا ھازىر ئۆيىدە بارمىكىن

ھىمⅡ

  • ھىمⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① مەھكەم، چىڭ:[مىسال:] ھىم ياپماق، ھىم ئەتمەك.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەل، ماس، خوپ:[مىسال:] ئۇ قىش كۈنلىرى كۆپىنچە ئۇستىخىنىغا ھىم كەلگەن قارا دۇخاۋا پەلتوسىنى كېيىپ يۈرەتتى.

ھىمات

  • ھىمات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پاناھ بولغۇچى، ئارقا تىرەك، ھىمايە قىلغۇچى، قوغدىغۇچى، يۆلەك، يۆلەنچۈك:[مىسال:] ھىمات بولماق. ھىماتى كۈچلۈك.

ھىماتچى

  • ھىماتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشپاناھ، ئارقا تىرەك بولىدىغان كىشى؛ يۆلەك، يۆلەنچۈك؛ ھىمايىچى.

ھىماتسىز

  • ھىماتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشپاناھى، ئارقا تىرىكى، يۆلەنچۈكى، پاناھى يوق:[مىسال:] ھىماتسىز ئادەم.

ھىمالايا

  • ھىمالايا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] ئاسىيا قىتيئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى غەربتىن شەرققە سوزۇلغان تاغ. ئۇ غەربتە پامىر ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ شەرققە قاراپ جۇڭگۇ-بىرما چېگرىسىغا قەدەر 2500 كىلومېتىر سوزۇلىدۇ. ئۇ جۇڭگو-شىزاڭ رايونىنىڭ جەنۇبىنى، پاكىستان، ھىندىستاننىڭ شىمالىنى، نېپال، بۇتان، سىككىملەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تاغ شىمالدا يالۇزاڭبۇ دەريا ۋادىسىدىن باشلىنىپ جەنۇبىي ھىندىستان چېگرىسىغا قەدەر 200300 كىلومېتىر كەڭلىكتە سوزۇلىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000 مېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ ئېگىز تاغ ھېسابلىنىدۇ.

ھىمايە

  • ھىمايە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشتا ياردەم بېرىش؛ ھامىيلىق؛ مەدەت:[مىسال:] ھىمايە قىلماق.[يەشمىسى:] ② خەۋپ-خەتەر ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش، قوغداش، مۇھاپىزەت، مۇداپىئە:[مىسال:] ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغۇچى دەپ قاراپ ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ.

ھىمايىچى

  • ھىمايىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىشتا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگۈچى ياردەم بەرگۈچى، قوغدىغۇچى؛ ھامىي:[مىسال:] باقى ئاكامنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تۈركۈم ھىمايىچىسى بار ئىدى.

ھىمايىسىز

  • ھىمايىسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھىمايە قىلىدىغان بىرەر ئادىمى، قوغدىغۇچىسى بولمىغان، ھىمايىگە، قوغدىغۇچىغا ئىگە ئەمەس:[مىسال:] تۇنجى قېتىم ئۆزىنى ئاجىز ۋە ھىمايىسىز ھېس قىلىپ غەزىپىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.

ھىمزىرھىم

  • ھىمزىرھىم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە جىپسىلاشقان؛ ناھايىتى دەل، ماس كەلگەن؛ يوچۇق قالمىغان:[مىسال:] ھىمزىرھىم كەلمەك. ھىمزىرھىم چۈشمەك.

ھىملەشتۈرمەك

  • ھىملەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «ھىملەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

ھىملەشمەك

  • ھىملەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ھىم ھالەتكە كەلمەك، ھىم بولماق:[مىسال:] شۇ چاغ ئىككى لەۋ ئۆز-ئۆزىدىن بىر-بىرىگە ھىملەشتى.

ھىملەنمەك

  • ھىملەنمەك[يەشمىسى:] «ھىملىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

ھىملىمەك

  • ھىملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە جۈپلىمەك، ياپسىرىغا كەلتۈرمەك، يوچۇق قالدۇرماي ئەتمەك، جىپسىلىماق:[مىسال:] مەدىكارلار قولمۇ قول تۇتۇش قىلىپ، تۇرۇبىنىڭ ئاغزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ ھىملەپ قويۇپتۇ.

ھىممەت

  • ھىممەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا قىلىنىدىغان ياخشىلىق؛ ياردەم، مەرھەمەت، غەمخورلۇق، ساخاۋەت:[مىسال:] ھىممەت كۆرسەتمەك. ھىممەت قىلماق.

ھىممەت-ساخاۋەت

  • ھىممەت-ساخاۋەت[يەشمىسى:] ھىممەت ۋە ساخاۋەت:[مىسال:] مېنىڭ بۇ ئازغىنە كۆرسەتكەن ھىممەت-ساخاۋېتىمگە كاتتا باھا بەردى.

ھىممەتسىز

  • ھىممەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىراۋغا ياخشىلىق، ياردەم قىلمايدىغان، مەرھەمەتسىز، ساخاۋەتسىز ھىممەتسىز قالماق.

ھىممەتسىزلىك

  • ھىممەتسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ياخشىلىق، ياردەم قىلماسلىق، مەرھەمەتسىزلىك، ساخاۋەتسىزلىك.

ھىممەت-شاپائەت

  • ھىممەت-شاپائەت[يەشمىسى:] ھىممەت ۋە شاپائەت:[مىسال:] ھاپىز موللا ئېڭەك قېقىپ تەستىقلايتتى ھەم ئۇنىڭ ھىممەت-شاپائىتىگە بارىكاللا ئېيتىپ ئولتۇراتتى.

ھىممەتلىك

  • ھىممەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلاردىن ياردىمىنى ئايىمايدىغان، مەرھەمەتلىك، ساخاۋەتلىك:[مىسال:] ئاتام ناھايىتى ھىممەتلىك مەرد پادىشاھ، سىزنى ھېچ ۋاقىتتا قۇرۇق قايتۇرمايدۇ، دېدى ئۇ.

ھىمىرلاش

  • ھىمىرلاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كىشىلەر بىلەن بولغان ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق.

ھىمىق

  • ھىمىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىڭ؛ ھىم.

ھىنايانا

  • ھىنايانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]سانسىكىرتچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] بۇددا دىنىنىڭ ئىلگىرىكى كونا مەزھىپى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «كىچىك كۆلۈڭگۈ(kiqig kolunggu)» دەپ ئاتىلىدۇ.

ھىندى

  • ھىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ھىندىلار ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ھىندى ئوكيان

  • ھىندى ئوكيان[كەسىپ تۈرى:]>جۇغراپىيە<[يەشمىسى:] يەر شارىدىكى تۆت چوڭ ئوكياننىڭ بىرى. ئاسىيا، جەنۇبىي قۇتۇپ، ئافرىقا ۋە ئوكيانىيىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. كۆلىمى 74 مىليون 910 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆپ قىسمى جەنۇبىي يېرىم شاردا. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 3897 مېتىر.

ھىندىچە

  • ھىندىچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھىندىلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ياكى مەدەنىيىتىگە ئائىت:[مىسال:] ھىندىچە كىيىم. ھىندىچە ئۇسسۇل. ھىندىچە ناخشا.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىندى تىلى:[مىسال:] ئۇ ھىندىچىنى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ھىندى تىلىنى ئىشلىتىپ، ھىندى تىلىدا:[مىسال:] ھىندىچە سۆزلەشمەك.

ھىندىچىنى

  • ھىندىچىنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئارىلىقىغا جايلاشقان يېرىم ئارال. مەمۇرىي جەھەتتىن ۋېيتنام، لائوس، كامبودژا، بېرما، تايلاند، سىنگاپور ھەم مالايشىيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر مەيدانى 2 مىليون 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 180 مىليوندىن ئاشىدۇ (1984). ئۇ يەنە «جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى يېرىم ئارال» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ھىندىغالچەك

  • ھىندىغالچەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ھىندى+غالچەك[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① غالچەك ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ. ئادەتتە مەنزىرە ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

ھىيلە

  • ھىيلە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئالداش، ساختا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئۇسۇل، ساختىلىق، نەيرەڭ.

ھىيلە قىلماق

  • ھىيلە قىلماق[يەشمىسى:] ھىيلە ئىشلەتمەك:[مىسال:] خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك(ماقال).

ھىيلە-مىكىر

  • ھىيلە-مىكىر[يەشمىسى:] ھىيلە ۋە مىكىر، ساختىلىق:[مىسال:] تۇرسۇن ئۇنىڭ مىڭ خىل ھىيلە-مىكىر ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.

ھىيلە-مىكىرچى

  • ھىيلە-مىكىرچى[يەشمىسى:] ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكۈچى كىشى؛ ئالدامچى.

ھىيلە-مىكىرلىك

  • ھىيلە-مىكىرلىك[يەشمىسى:] ھىيلە-مىكىر بار، ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىلگەن:[مىسال:] چوقۇم ھىيلە-مىكىرلىك بىر ئىش بار.

ھىيلە-نەيرەڭ

  • ھىيلە-نەيرەڭ[يەشمىسى:] ھىيلە ۋە نەيرەڭ:[مىسال:] ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلەتمەك.

ھىيلىگەر

  • ھىيلىگەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ھىيلە-مىكىر، ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساختىپەز، مەككار ئادەم:[مىسال:] ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ، ئىچىدىن سېرىقى چىقماس (ماقال). ∥ ئۇنىڭ ھىيلىگەر ئادەملىكىنى خېلى بۇرۇنلا سەزگەن.

ھىيلىگەرلىك

  • ھىيلىگەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھىيلىگەرلەرگە خاس قىلىق.