ئا
ئە
ب
پ
ت
ج
چ
خ
د
10 ر
11 ز
12 ژ
13 س
14 ش
15 غ
16 ف
17 ق
18 ك
19 گ
20 ڭ
21 ل
22 م
23 ن
24 ھ
25 ئو
26 ئۇ
27 ئۆ
28 ئۈ
29 ۋ
30 ئې
31 ئى
32 ي

8 خ 🔗

خ

خاپا

خاپان

خاپىچىلىق

خاپىغان

خاپىلىق

خاتا

خاتاسىز

خاتاكەش

خاتالاشتۇرماق

خاتالاشتۇرۇشماق

خاتالاشتۇرۇلماق

خاتالاشماق

خاتالىق

خاتىپ

خاتىرە

خاتىرجەم

خاتىرجەمسىز

خاتىرجەمسىزلەندۈرمەك

خاتىرجەمسىزلەنمەك

خاتىرجەمسىزلىك

خاتىرجەملەندۈرمەك

خاتىرجەملەنمەك

خاتىرجەملىك

خاتىرىخانا

خاتىرىلەتمەك

خاتىرىلەشمەك

خاتىرىلەنمەك

خاتىرىلىك

خاتىرىلىمەك

خاتىمە

خاجې

خا-خا

خادا

خاداك

خادانى

خادىك

خادىلىق

خادىم

خادىملىق

خارⅠ

خارⅡ

خارⅢ

خاراب

خارابە

خارابلاشتۇرماق

خارابلاشتۇرۇلماق

خارابلاشماق

خارابلىق

خارابىلىك

خاراج

خاراز

خاراكتېر

خاراكتېرلەشمەك

خاراكتېرلەنمەك

خاراكتېرلىك

خاراكتېرلىمەك

خاراكتېرىستىكا

خارامۇش

خارامۇشلۇق

خارتۇم

خارتۇملۇقلار

خارت

خارت-خارت

خارت-خۇرت

خارتىلداتماق

خارتىلداشماق

خارتىلدىماق

خارتىيە

خارجى

خار-خار

خار-خۇر

خاررىدە

خار-زار

خار-زارلىق

خارقىراتماق

خارقىراشماق

خارقىرىماق

خارلاتماق

خارلاشماق

خارلانماق

خارلىق

خارلىماق

خارۇزار

خارىج

خارىلداتماق

خارىلداشماق

خارىلدىماق

خازان

خازانلىق

خاسⅠ

خاسⅡ

خاس-ئام

خاسلاشتۇرماق

خاسلاشتۇرۇلماق

خاسلاشماق

خاسلىق

خاسىڭ

خاسىڭلىق

خاسىيەت

خاقان

خاقانلىق

خاكسار

خاكسارلىق

خاڭⅠ

خاڭⅡ

خاڭچى

خاڭداتماق

خاڭداشماق

خاڭدالماق

خاڭدىماق

خال

خالا

خالاپ

خالات

خالاتلىق

خالاس

خالاشماق

خالايىق

خالتا

خالتا-خالتا

خالتىسىمان

خالتىلاتماق

خالتىلاشماق

خالتىلىق

خالتىلىماق

خاللىق

خالو

خالۋاپ

خالۋاپلىق

خالىس

خالىسانە

خالىسانىلىك

خالىسلىق

خالىغانچە

خالىماق

خالىي

خالىيلاشتۇرماق

خالىيلاشماق

خالىيلىق

خامⅠ

خام چوت

خام سۈت ئەمگەن

خامⅡ

خاما

خامار

خامان

خامانچىⅠ

خامانچىⅡ

خامانلىق

خامباستى

خامپا

خامپىغا سەكرىمەك

خامتالاش

خامتەك

خامچى

خام-خاتىلا

خامسۇق

خاملىق

خاملىماق

خامۇت

خامۇش

خامۇشلانماق

خامۇشلۇق

خامېلېئون

خان

خانا

خاناقىماق

خانئەتلەس

خانپەرەس

خانچە

خانزادە

خانقىز

خانگۈل

خانلەيلۇن

خانلىق

خانۇمان

خانى

خانىدان

خانىدانلىق

خانىش

خانىقا

خانىم

خانىۋەيران

خانىۋەيرانچىلىق

خانىۋەيرانلىق

خاھى

خاھىش

خاۋاتىر

خاۋاتىرلاندۇرماق

خاۋاتىرلانماق

خاۋاتىرلىق

خاۋارىچ

خاۋازا

خاۋالىس

خائىن

خائىنانە

خائىنلارچە

خائىنلىق

خايا

خايان

خايناخا

خەپ

خەپرۈك

خەپشۈك

خەت

خەت-ئالاقە

خەتەر

خەتەرسىز

خەتەرسىزلەندۈرمەك

خەتەرسىزلەندۈرۈلمەك

خەتەرسىزلەنمەك

خەتەرسىزلىك

خەتەرلىك

خەتتا

خەتتات

خەتتاتلىق

خەت-چەك

خەتچى

خەت-خالتا

خەت-خەۋەر

خەت-ساۋات

خەت-ساۋاتلىق

خەتسىمان

خەتكۈش

خەتلەتمەك

خەتلەشمەك

خەتلەنمەك

خەتلىك

خەتلىمەك

خەتمە

خەتمە-ئىستىغپار

خەتمۇخەت

خەتمىقۇرئان

خەتنە

خەتنىچى

خەتنىلىك

خەتىپ

خەج

خەج-خىراج

خەج-خىراجەت

خەجلەتمەك

خەجلەشمەك

خەجلەنمەك

خەجلىمەك

خەددەڭ

خەرەك

خەرىتە

خەرىتىلەشتۈرمەك

خەرىتىلەشتۈرۈلمەك

خەرىتىلەشمەك

خەزىنە

خەزىنىچى

خەسⅠ

خەسⅡ

خەسⅢ

خەسⅣ

خەسە

خەستە

خەستىلەنمەك

خەسىس

خەسىسلىك

خەشەك

خەق

خەقىش

خەقىشلىك

خەلپە

خەلپەت

خەلپىلىك

خەلدەڭ

خەلق

خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى

خەلقئارا

خەلقئاراچە

خەلقئارالاشتۇرماق

خەلقئارالاشتۇرۇلماق

خەلقئارالاشماق

خەلقئارالىق

خەلقپەرۋەر

خەلقپەرۋەرلىك

خەلقچىل

خەلقچىللىق

خەلقىئالەم

خەلىپە

خەلىپىلىك

خەمەكⅠ

خەمەكⅡ

خەمەكسىز

خەمەكلىمەك

خەمسە

خەمسىچىلىك

خەنجەر

خەنجەرسىمان

خەنجەرلىك

خەنجەرلىمەك

خەنجەرۋاز

خەنجەرۋازلىق

خەندان

خەندەك

خەنزۇ

خەنزۇچە

خەنزۇشۇناس

خەنزۇشۇناسلىق

خەۋەر

خەۋەرچى

خەۋەرچىلىك

خەۋەردار

خەۋەرسىز

خەۋەرلەشمەك

خەۋەرلەندۈرمەك

خەۋەرلەندۈرۈلمەك

خەۋەرلەنمەك

خەۋپ

خەۋپ-خەتەر

خەۋپ-خەتەرسىز

خەۋپ-خەتەرلىك

خەۋپسىرىمەك

خەۋپسىز

خەۋپسىزلەندۈرمەك

خەۋپسىزلەندۈرۈلمەك

خەۋپسىزلەنمەك

خەۋپسىزلىك

خەۋپلەنمەك

خەۋپلىك

خەي

خەيدەي

خەير

خەيرچى

خەيرخاھ

خەيرخاھلىق

خەير-ساخاۋەت

خەير-سەدىقە

خەيرلەشمەك

خەيرلىك

خەيرىندى

خەيرىندىلىك

خەيرىيەت

خەيلەمچى

خەيلى

خروم

خروماتىن

خروملۇق

خروموسوما

خرومىت

خرۇستال

خرېستوماتىيە

خرىزوبېرىل

خرىستوس

خرىستىئان

خرىستىئانچە

خرىستىئانلىق

خلور

خلورلۇق

خلوروفورم

خلوروفىل

خلورومىتىسېتىن

خلورىد

خو

خوپ

خوپ بوپتۇ

خوپلاشتۇرماق

خوپلاشتۇرۇشماق

خوپلاشتۇرۇلماق

خوپلاشماق

خوپلۇق

خوت

خوتەك

خوتەكلىمەك

خوتتىنىيە

خوتۇن

خوتۇنباز

خوتۇنبازلىق

خوتۇن-بالا

خوتۇنپەرەس

خوتۇنپەرەسلىك

خوتۇنسىز

خوتۇنسىزلىق

خوتۇن-قىزلار

خوتۇنلۇق

خوجا

خوجانىل

خوجايىن

خوجايىنلارچە

خوجايىنلىق

خوجىدار

خوجىدارلىق

خوجىزادە

خوجىلىق

خوخا

خوخىلىق

خوخەنزە

خورⅠ

خورⅡ

خورⅢ

خورⅣ

خوراتماق

خوراز

خوراشچان

خوراشچانلىق

خورەك

خورىكى چوڭ

خورىكى ئۆسمەك

خورىكى ئۈستۈن

خورەكچى

خورت

خورتىلدىماق

خورخور

خورداⅠ

خورداⅡ

خورداⅢ

خورداⅣ

خوردان

خوردىلىقلار

خورسىندۇرماق

خورسىنماق

خورسىنىشماق

خورلاشماق

خورلانماق

خورلۇق

خورلىماق

خورما

خورمىلىق

خورۇلداتماق

خورۇلداشماق

خورۇلدىماق

خورىتىشماق

خورىماس

خورىماق

خوزۇر

خوسا

خوستاگۈل

خوش

خوشاڭ

خوشاڭچى

خوش-خوش

خوشلاشماق

خوشۇت

خولۇپ

خولۇپپىدە

خولۇپ-خولۇپ

خولۇپلاتماق

خولۇپلىماق

خولېرا

خولېستېرىن

خولىن

خولىنجان

خون

خونچا

خونچىلاتماق

خونچىلاشماق

خونچىلانماق

خونچىلىماق

خوي

خويمۇ

خۇاجەر

خۇپتەن

خۇپسەن

خۇپسەنلىك

خۇپىيانە

خۇتبە

خۇد

خۇدا

خۇدا بۇيرۇسا

خۇدا ھەققى

خۇداسىز

خۇداسىزلىق

خۇداگۇي

خۇداگۇيلۇق

خۇدالىق

خۇداۋەندە

خۇدايا

خۇدايىتائالا

خۇدايى

خۇددى

خۇدۈك

خۇدۈكچان

خۇدۈكچانلىق

خۇدۈكسىرەتمەك

خۇدۈكسىرەشمەك

خۇدۈكسىرىمەك

خۇدۈكسىنماق

خۇدۈكلەندۈرمەك

خۇدۈكلەنمەك

خۇدۈكلىنىشمەك

خۇراپات

خۇراپاتچى

خۇراپاتلىق

خۇراپىي

خۇراپىيلارچە

خۇراپىيلىق

خۇرال

خۇرجۇن

خۇرجۇنچىلاپ

خۇرجۇنلاپ

خۇرسەن

خۇرسەنچىلىك

خۇرسەنلىك

خۇرۇج

خۇرۇچ

خۇرۇم

خۇرۇمچىلىق

خۇسۇس

خۇسۇسەن

خۇسۇسىي

خۇسۇسىيەت

خۇسۇسىيەتلىك

خۇسۇسىيلىق

خۇسۇمەت

خۇسۇمەتچى

خۇسۇمەتچىلىك

خۇش

خۇشال

خۇشال-خۇرام

خۇشال-خۇراملىق

خۇشاللاندۇرماق

خۇشاللانماق

خۇشاللىق

خۇشاللىنارلىق

خۇشامەت

خۇشامەتچى

خۇشامەتچىلىك

خۇشامەتگۇي

خۇشامەتگۇيلۇق

خۇشامەتلىك

خۇشبۇي

خۇشبۇيلۇق

خۇشتارⅠ

خۇشتارⅡ

خۇشتارلىق

خۇشخۇي

خۇشخۇيلۇق

خۇشلۇق

خۇشلىماق

خۇشنۇد

خۇشۋاخ

خۇشياقماس

خۇشياقماسلىق

خۇشياقماق

خۇلاسە

خۇلاسىلەتمەك

خۇلاسىلەشمەك

خۇلاسىلەنمەك

خۇلاسىلىمەك

خۇلاسىۋى

خۇلق

خۇلقسىز

خۇلقلۇق

خۇلق-مىجەز

خۇلىگەدەن

خۇلىگەدەنلىك

خۇلىگەن

خۇلىگەنلىك

خۇم

خۇمار

خۇمارلاشتۇرماق

خۇمارلاشماق

خۇمارلىق

خۇمخانا

خۇمدان

خۇمدان دەزى

خۇمدانچى

خۇمدانچىلىق

خۇمرا

خۇمسى

خۇمسىلىق

خۇن

خۇنپەر

خۇنپەرلىك

خۇنپەرەس

خۇنخور

خۇنخورلۇق

خۇنخۇمار

خۇنسا

خۇنسىراتماق

خۇنسىرىماق

خۇنسىز

خۇنۈك

خۇنۈكلەشتۈرمەك

خۇنۈكلەشتۈرۈشمەك

خۇنۈكلەشتۈرۈلمەك

خۇنۈكلەشمەك

خۇنۈكلۈك

خۇۋەينى

خۇيⅠ

خۇيⅡ

خۇيⅢ

خۇيⅣ

خۇي-پەيل

خۇيچىلىق

خۇيزۇ

خۇيلاتماق

خۇيلاشماق

خۇيلامچى

خۇيلامچىلىق

خۇيلانماقⅠ

خۇيلانماقⅡ

خۇيلۇق

خۇيلىماق

خېجې

خېرىت

خېرىدار

خېرىدارسىز

خېرىدارلىق

خېلى

خېلى-خېلى

خېلىلا

خېمىر

خېمىرتۇرۇچ

خېمىرتۇرۇچلۇق

خېنە

خېنى

خېنىگۈل

خېنىلىك

خېنىم

خېنىملىق

خېنىن

خېيىمخەتەر

خىپچا

خىتⅠ

خىتⅡ

خىتاب

خىتابنامە

خىت-خۇت

خىتىن

خىجالەت

خىجالەتچىلىك

خىجالەتسىز

خىجالەتلىك

خىجالەتمەن

خىجىل

خىجىلچىلىق

خىجىللىق

خىدىر

خىدىڭ

خىرⅠ

خىرⅡ

خىراج

خىراجەت

خىراجەتسىز

خىراجەتلىك

خىرامان

خىرامانلىق

خىرە

خىرە-شىرە

خىرەلەشتۈرمەك

خىرەلەشمەك

خىرەلىك

خىرپە

خىرت

خىرت-خىرت

خىرتىلداتماق

خىرتىلداشماق

خىرتىلدىماق

خىر-خىر

خىردەك

خىرقىراتماق

خىرقىراشماق

خىرقىراق

خىرقىرىماق

خىرورگ

خىرورگىيە

خىرىس

خىرىسلىق

خىرىلداتماق

خىرىلداشماق

خىرىلداق

خىرىلدىماق

خىزمەت

خىزمەتچى

خىزمەتچىلىك

خىزمەتداش

خىزمەتداشلىق

خىزمەتكار

خىزىر

خىزىر يولۇققان

خىسلەت

خىسلەتداش

خىسلەتلىك

خىش

خىشچى

خىشچىلىق

خىشلىق

خىقوق

خىڭ

خىڭ-خىڭ

خىڭىلداتماق

خىڭىلداشماق

خىڭىلدىماق

خىل

خىلاپ

خىلاپلىق

خىللاتماق

خىللاشماق

خىللانماق

خىللىق

خىللىماق

خىلمۇخىل

خىلمۇخىللىق

خىلۇس

خىلۋەت

خىلىت

خىمىك

خىمىيە

خىمىيىلىك

خىمىيىۋى

خىنولىن

خىيابان

خىيابانلىق

خىيال

خىيالەن

خىيالپەرەس

خىيالپەرسلىك

خىيالچان

خىيالچانلىق

خىيالىي

خىيالىيلىق

خىيانەت

خىيانەتچى

خىيانەتچىلىك

خىيانەتكار

خىيانەتكارانە

خىيانەتكارلىق

ئىزاھى

خ

  • خ[يەشمىسى:] ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىنىڭ سەككىزىنچى ھەرىپى، رەت تەرتىپى جەھەتتە سەككىزىنچىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە فونېما.

  • «خ» ھەرىپىنىڭ ئايرىم شەكلى «خ»، بېشىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «خ»، باش ۋە ئاخىرىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «خ»، ئايىغىدىن ئۇلىنىدىغان شەكلى «ىخ»، ئوقۇلۇشى ياكى نامى «خې».

  • «خ» ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل تۈۋى يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن سىيرلاڭغۇ تاۋۇش، تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىتىرەش-تىتىرىمەسلىكى جەھەتتىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش.

  • «خ» تاۋۇشىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى

  • «ق» تاۋۇشى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە «ق» تاۋۇشىدىن باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا، شۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى «ق» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا «خ» غا نۆۋەتلىشىدۇ، ئەمما ئىملادا ئەكس ئەتتۈرۈلمەيدۇ. مەسىلەن:

  • ئىملاسى تەلەپپۇزى

  • ساقچى ساخچى

  • موللاقچى موللاخچى

  • قۇلاققا قۇلاققا

خاپا

  • خاپا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] رەنجىگەن، تېرىككەن. ئاچچىقلانغان:[مىسال:] بۇرۇتقا خاپا بولسام ساقال چىقتى (ماقال). بىز يەنە كەمدىن-كەم ئۇچراشتۇق. ئۇ نېمىشقىدۇر بىرنەرسىدىن نارازىدەك، خاپا كۆرۈنەتتى.

خاپان

  • خاپان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچىگە ئاشلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى قاچىلايدىغان، تۆت بۇرجەك ياغاچ قاچا:[مىسال:] تۇرسۇن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇرۇق قاچىلىنىدىغان خاپان ئىچىنى كۆزىتىشكە باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوغان:[مىسال:] خاپان باش.  يىلان باش قىزىڭدىن خاپان باش كېلىنىڭ ياخشى (ماقال).

خاپىچىلىق

  • خاپىچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاپىلىق:[مىسال:] چىن تۆمۈر باتۇر خاپىچىلىقتىن بېشى گاڭگىراپ ئولتۇرسا، يەنە بىر توپ قۇلانلار سەكرىشىپ كېلىپتۇ.

خاپىغان

  • خاپىغان[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] ئاسان خاپا بولىدىغان؛ ئاچچىقى يامان:[مىسال:] خاپىغان ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاپىغان كېسەل:[مىسال:] گۈل خاپىغاننى ئالىدۇ.

خاپىلىق

  • خاپىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رەنجىش، ئاچچىقلىنىش:[مىسال:] يىللار ئۆتتى، تاشخان ئۇستام 51 ياشقا كىرىپ قالدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇستامنىڭ بېشىغىمۇ خاپىلىق كەلدى.

خاتا

  • خاتا[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھەقىقەتكە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، ئاداشقان، يېڭىلىشقان، ئاساسسىز، ناتوغرا:[مىسال:] خاتا پىكىر. خاتا چۈشەنچە. ∥ بۇ پالتىنى پادىشاھنىڭ قىزىدىن باشقا ئادەم بىلمەيدىكەن. شۇڭا نۇرغۇن ياشلار پالتىنى خاتا تاللاپ، ئۆز جېنىدىن ئايرىلغانىكەن.

خاتاسىز

  • خاتاسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاتاسى يوق، خاتا ئەمەس، توغرا:[مىسال:] خاتاسىز گەپ.  ھىسامىدىن تام سائىتىنىڭ خاتاسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەندى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خاتا كەتكۈزمەي، خاتاغا يول قويماي، توغرا:[مىسال:] سېنىڭ قورسىقىڭدا ئۇمىچىڭ بار. ئەترەتنىڭ بوغالتىرلىقىنى خاتاسىز ئىشلەپ كەلدىڭ، ئۆزۈڭنى بۇلغىمىدىڭ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گۇمان قىلغۇسىز دەرىجىدە، شۈبھىسىز، ئوچۇقتىن-ئوچۇق، ئېنىق:[مىسال:] خاتاسىز، بۇ ئىككىسى ئەسلىدە بىر ئادەم ئىدى.

خاتاكەش

  • خاتاكەش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>مەتبۇئاتچىلىق<[يەشمىسى:] مەتبەئەدە كوررېكتورلۇق قىلىنغاندىن كېيىنكى بەتلەرنىڭ ھەرپ خاتالىقىنى تۈزەتكۈچى كىشى.

خاتالاشتۇرماق

  • خاتالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «خاتالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خاتالاشتۇرۇشماق

  • خاتالاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «خاتالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خاتالاشتۇرۇلماق

  • خاتالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «خاتالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

خاتالاشماق

  • خاتالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خاتالىق ئۆتكۈزمەك، خاتالىق سادىر قىلماق، ئاداشماق، يېڭىلىشماق:[مىسال:] خەتتە: «مەن خاتالاشتىم. ئالدىڭدا تۈزىتىپ بولماس ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدۈم» دېيىلگەنىدى.

خاتالىق

  • خاتالىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① توغرا بولمىغانلىق، ناتوغرىلىق، ئاداشقانلىق:[مىسال:] ئەقلىي بىلىش ئىشەنچىلىك بولمايدۇ دەپ ھېسابلانسا، بۇ تارىختىكى «تەجرىبىچىلىك» خاتالىقىنى تەكرارلىغانلىق بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] ئۆلچەنگەن سانلىق قىممەت ياكى باشقا تەقرىبىي قىممەت بىلەن ھەقىقىي قىممەتنىڭ پەرقى:[مىسال:] مەسىلەن: 3÷1نىڭ ئورنىغا 33.0 ئېلىنسا، خاتالىق 300÷1 بولىدۇ.

خاتىپ

  • خاتىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] «خەتىپ»كە قاراڭ:[مىسال:] ھىزىم ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم بولۇپ، كېيىنچىرەك نىلقىدىكى چوڭ مەسچىتكە ئىمام، خاتىپ بولغان.

خاتىرە

  • خاتىرە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئادەم ياكى بىرەر نەرسە ھەققىدىكى ئىش-ھەرىكەت، ھادىسىلەرنى ئەستە ساقلاش، ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيىتى؛ ئەس، ياد، زېھىن:[مىسال:] خاتىرىسىدە تۇتماق. خاتىرىسىگە كەلتۈرمەك.  ئادەمنىڭ خاتىرىسى 18 ياشتىن 29 ياشقىچە تەرەققىي قىلىپ، چېكىگە يېتىدۇ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بېشىدىن كەچۈرگەن ياكى ئاڭلىغان ئىش، ھادىسە، ۋەقە ۋە شۇ قاتارلىقلار؛ ئەسلىمە؛ سەرگۈزەشتە؛ ئۆتمۈش:[مىسال:] ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، ياش يىگىتلىك چاغلىرىدىكى شېرىن خاتىرىلىرىنى زوق بىلەن سۆزلەشكە چۈشتى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئەسلەش، سېغىنىشنى بىلدۈرىدىغان؛ ئەسلەش، ياد قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان، يادىكار قىلىنغان:[مىسال:] خاتىرە ھەيكەل. خاتىرە تاش. خاتىرە مۇنار.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇھىم ۋە زۆرۈر دەپ ھېسابلانغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس تۇتۇلىدىغان دەپتەر:[مىسال:] مەن ياتاققا كېلىپ، جوزا ئۈستىگە تىزىلغان كىتابلار ئارىسىدىن كۈندىلىك خاتىرەمنى ئالدىم.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەخسۇس خاتىرىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغان، مەخسۇس تۇتۇلىدىغان:[مىسال:] تۆرىخان يانچۇقىدىن كونا بىر خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ، ئۇيان-بۇياننى ۋاراقلاشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېچىلغان يىغىننىڭ مەزمۇنى، يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن تۈرلۈك مەسىلە ياكى بىرەر ئىش، ھادىسە، ۋەقەلەر توغرىسىدا تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن يازما ماتېرىيال، يازما دوكلات؛ مەسىلە:[مىسال:] يىغىن خاتىرىسى.[يەشمىسى:] ⑦ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] روھىي كەيپىيات، مىجەز:[مىسال:] بۇ ئىشتىن پادىشاھنىڭ كۆڭلى غەمكىن، خاتىرىسى پەرىشان بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ⑧ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئابرۇي، ھۆرمەت:[مىسال:] يۈز-خاتىرە قىلماق.

خاتىرجەم

  • خاتىرجەم[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا ئىشەنچى كامىل؛ ئىشەنچىلىك:[مىسال:] خاتىرجەم بولماق.[يەشمىسى:] ② غەم-ئەندىشىلەردىن خالىي؛ خۇشال-خۇرام، كۆڭۈللۈك:[مىسال:] ئاسىيە مۇھىم بىر ئىشنى تۈگىتىۋالغاندەك خاتىرجەم ئىدى.

خاتىرجەمسىز

  • خاتىرجەمسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاتىرجەم ئەمەس، غەم-ئەندىشىلەردىن، تەشۋىشلىك خىياللاردىن خالىي بولمىغان:[مىسال:] باھار كەلدى. باھار ياخشى نەرسە. بىراق سادىق بۇ باھاردىن بىرئاز خاتىرجەمسىز ئىدى.

خاتىرجەمسىزلەندۈرمەك

  • خاتىرجەمسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «خاتىرجەمسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەىجىسى:[مىسال:] مۇئەللىمنىڭ: «گۈزەلئاي نەدىدۇر» دېگەن سوئالى مېنى خاتىرجەمسىزلەندۈردى.

خاتىرجەمسىزلەنمەك

  • خاتىرجەمسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭلىدە، غەم-ئەندىشە پەيدا بولماق، تەشۋىشلەنمەك:[مىسال:] بىركۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مېھرىئاي كۆرۈنمىدى. مەن ئۇ ساقسىز بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ، خاتىرجەمسىزلەندىم.

خاتىرجەمسىزلىك

  • خاتىرجەمسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەندىشىلىك، تەشۋىشلىك:[مىسال:] خاتىرجەمسىزلىك پەيدا بولماق.  مەن ئۇ كىشىدىن نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ يەنە ئالمىچىغا قارىدىم. ماڭا بىر خىل جىددىيلىك ۋە خاتىرجەمسىزلىك تۇيۇلدى.

خاتىرجەملەندۈرمەك

  • خاتىرجەملەندۈرمەك[يەشمىسى:] «خاتىرجەملەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] جاپپار سۇلايماننىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا ئۆز ئايالىدىن غەم قىلماسلىقنى ئېيتىپ، ئۇنى خاتىرجەملەندۈردى.

خاتىرجەملەنمەك

  • خاتىرجەملەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشە ۋە تەشۋىشتىن خالىي بولماق؛ خاتىرجەم بولماق؛ تىنچلانماق:[مىسال:] بالىسىنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئانىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەملەندى.

خاتىرجەملىك

  • خاتىرجەملىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاتىرجەم ھالەت:[مىسال:] مامۇت زورنىڭ ئەپتىدىن بىر خىل خاتىرجەملىك بىلىنىپ تۇراتتى.

خاتىرىخانا

  • خاتىرىخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر شەخسنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، شۇ شەخس ھەققىدىكى بۇيۇملار قويۇلىدىغان، مۇزېيدىن كىچىك مەخسۇس ئۆي؛ خاتىرە ئۆيى.

خاتىرىلەتمەك

  • خاتىرىلەتمەك[يەشمىسى:] «خاتىرىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] دەرۋىش تەڭرىنىڭ پۈتۈكلىرىنى شەرھلەپ، ئۇنىڭغا خاتىرىلەتتى.

خاتىرىلەشمەك

  • خاتىرىلەشمەك[يەشمىسى:] «خاتىرىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇقۇغۇچىلار دەرسخانىدا مۇئەللىمنىڭ لېكسىيىسىنى خاتىرىلەشتى.

خاتىرىلەنمەك

  • خاتىرىلەنمەك[يەشمىسى:] «خاتىرىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] شەھەرلەردە، بولۇپمۇ زىيالىيلار ئائىلىلىرىدە يېڭى يىل ھەر خىل شەكىل بىلەن خاتىرىلىنەتتى.

خاتىرىلىك

  • خاتىرىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان، ئەستە ساقلىنىدىغان، خاتىرە بولالايدىغان:[مىسال:] توي-ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مەنىلىك، بىر ئۆمۈر ئەستىن چىقمايدىغان خاتىرىلىك كۈن ئىكەن.

خاتىرىلىمەك

  • خاتىرىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۆزلىنىۋاتقان ۋاقىتتىن بۇرۇن ئۆتكەن بىرەر كىشى ياكى بولۇپ ئۆتكەن بىرەر ئىش-ھادىسە، ۋەقە ۋە شۇنىڭدەك ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئەسكە ئالماق، ئەسلىنىدىغان پائالىيەت ئۆتكۈزمەك. [يەشمىسى:] ② يىغىن مەزمۇنىنى، بىركىمنىڭ نۇتقىنى، سۆزىنى، بولغان ياكى بولۇۋاتقان بىرەر ئىشنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى قەغەز يۈزىگە يېزىپ قالدۇرماق؛ يېزىپ قەغەزگە چۈشۈرمەك:[مىسال:] لۇتپۇللا قولىغا دەرھال بىر دەپتەر ئالدى-دە، كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىنى خاتىرىلىدى.

خاتىمە

  • خاتىمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ ئاخىرى، تۈگىشى، تاماملىنىشى:[مىسال:] گۈزەل ھاياجانلىق خاتىرىلەرگە تولغان ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنىڭ خاتىمە كۈنلىرى يېتىپ كەلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ماقالە ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى خۇلاسە خاراكتېرلىك قىسمى. خۇلاسە قىسمى؛ مەن ئۇ ھېكايىنىڭ خاتىمىسىنىمۇ ئوقۇدۇم.[يەشمىسى:] ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

خاجې

  • خاجې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ياكى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭجياڭ، راۋخې قاتارلىق ناھىيىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان.

خا-خا

  • خا-خا[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قاتتىق كۈلكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئۇ خا-خا قىلىپ كۈلدى.

خادا

  • خادا[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈز، ئېگىز ئۆسكەن دەرەخ شېخىنىڭ پۇتاق ۋە كىچىك شۇمبىلىرى كېسىپ تاشلانغاندىن كېيىنكى غول قىسمى؛ ئۇزۇن ياغاچ:[مىسال:] بايراق خادىسى. خادىغا تايىنىپ سەكرىمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تىك، ئېگىز:[مىسال:] خادا بويۇن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مېيىت دەپنە قىلىنغاندا تۇپراقنىڭ باش تەرىپىگە قادىلىدىغان ئۇزۇن، چوڭ شاخ:[مىسال:] خادا قويماق.

خاداك

  • خاداك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زاڭزۇ لاما دىنىدىكىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، شىزاڭ ۋە بىر قىسىم موڭغۇللارنىڭ ئەزىز مېھمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەندە ۋە ئۇلارنى قۇتلۇقلىغاندا، مېھمانغا تەقدىم قىلىدىغان ئۇزۇن رەخت. ئۇ كۆپىنچە ئاق ياكى سېرىق ۋە ياكى كۆك رەڭلەردە بولىدۇ:[مىسال:] خاداك تەقدىم قىلماق.

خادانى

  • خادانى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە>ئىنگلىزچە[[يەشمىسى:] توقۇلۇشى نىسبەتەن زىچ بولىدىغان، قىيپاش ياكى قىيسىق ئۆرۈش چىقىرىپ توقۇلغان يۇڭ ياكى پاختا رەخت. بۇ خىل رەختنىڭ ئالاھىدىلىكى يۇمشاق ھەم چىداملىق بولۇپ، ئادەتتىكى ئاددىي كىيىم-كېچەكلەرنى تىكىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

خادىك

  • خادىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] تۆت چاقلىق، مەخسۇس ئادەم توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئات ھارۋىسى. ئۇنىڭغا كۆپىنچە بىر ياكى ئىككى ئات قوشۇلىدۇ.

خادىلىق

  • خادىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خادىسى بار، خادا بېكىتىلگەن:[مىسال:] بىنانىڭ ئۆگزىسىدە بولسا ئۇزۇن خادىلىق قىزىل بايراق جەۋلان قىلاتتى.

خادىم

  • خادىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مەلۇم بىر ئىدارە ياكى مۇئەسسەسىدە ئىشلەيدىغان كىشى، خىزمەتچى:[مىسال:] ئىلمىي خادىملار. ئىدارە خادىملىرى.

خادىملىق

  • خادىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خادىمغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە، خىزمەتچىلىك:[مىسال:] سىز خادىملىققا ئۆزىڭىز بىلەن دوستىڭىزنى ئويلىغانىدىڭىز. ئەمدى سىز بىلەن مەن بولىمەن، دېدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن.

خارⅠ

  • خارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆي ئۆگزىسىگە سېلىنغان جەگىلەرنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى ئۇچى تامنىڭ بېشىغا قويۇلىدىغان چوڭ لىم ياغاچ:[مىسال:] ھويلاڭدىكى تاغ تېرەك، خار بولامدۇ، بولمامدۇ. باغرى قاتتىق تاش يۈرەك، يار بولامدۇ. بولمامدۇ.

خارⅡ

  • خارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئېتىبارغا، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەمەس، ئېتىبارى يوق، ئېتىبارسىز، ئەزىز ئەمەس؛ كەمسىتىلگەن:[مىسال:] سۇ ئەكەلگەن خار، كوزا سۇندۇرغان ئەزىز (ماقال).[يەشمىسى:] ② قىممىتى يوق، قەدىرسىز:[مىسال:] ئاق ئالماڭنى تەرمەيمەن، ئېتىكىمنى لاي قىلىپ. سەن يارىمنى سۆيمەيمەن، مەن ئۆزۈمنى خار قىلىپ.

خارⅢ

  • خارⅢ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① گال بوغۇلغاندا ياكى ئادەم خورەك تارتىپ ئۇخلىغاندا، ئېغىز بوشلۇقىدىن ئۈزۈك ھالەتتە چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ ياتقان ھامان «خار» قىلىپ خورەك تارتىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② ئات، كالا ۋە قوي قاتارلىق ماللارنى بوغۇزلىغاندا، كېكىردىكىدىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] قوي بوغۇزلىنىشىغىلا گېلىدىن «خار» قىلغان ئاۋاز چىقتى.

خاراب

  • خاراب[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بۇزۇلغان؛ چېقىلغان؛ بۇزۇلۇپ تاشلانغان؛ ۋەيران، نابۇت:[مىسال:] خاراب شەھەر. خاراب ئۆي. خاراب قىلماق.[يەشمىسى:] ② مەدەنىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغان، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان؛ تۇرمۇشى، كۈنى، ھال-ئەھۋالى قىيىن:[مىسال:] كونا جەمئىيەتتە خەلقنىڭ تۇرمۇشى خاراب ئىدى.

خارابە

  • خارابە[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قارايدىغان ئادەم بولمىغان، تاشلىۋېتىلگەن ئورۇن؛ بۇزۇلۇپ خاراب بولغان جاي؛ ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى قالدۇق ئىزلار؛ ئەسكى جاي:[مىسال:] خارابىگە ئايلانماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاراب قىلىنغان، ۋەيران بولغان، خاراب، ۋەيران، ۋەيرانە:[مىسال:] خارابە ئۆي. خارابە شەھەر.

خارابلاشتۇرماق

  • خارابلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «خارابلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رەھىمسىز ئۇرۇش بىنالىرى ئاسمانغا تاقىشىپ تۇرغان گۈزەل شەھەرلەرنىمۇ خارابلاشتۇرۇۋەتتى.

خارابلاشتۇرۇلماق

  • خارابلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «خارابلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

خارابلاشماق

  • خارابلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① خارابىلىككە ئايلانماق، خاراب بولماق، ۋەيران بولماق، بۇزۇلماق:[مىسال:] شەھەر خارابلاشتى.[يەشمىسى:] ② ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىيىن، ئېغىر ئاقىۋەتكە قالماق، ۋەيرانچىلىققا قالماق، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق، زاۋاللىققا يۈز تۇتماق، چۈشكۈنلەشمەك:[مىسال:] ئۇ زاۋۇت خارابلىشىپ بىر يەرگە باردى.

خارابلىق

  • خارابلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاراب ھالەت:[مىسال:] شەھەرنىڭ خارابلىقى. ئۆينىڭ خارابلىقى.

خارابىلىك

  • خارابىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن يەر، خارابە قالدۇقلىرى، ئىزلىرى بار جاي:[مىسال:] ھېلىقى مەھەللە زەيلىشىپ كەتكەچكە، ئادەملىرى كۆچۈپ كېتىپ، ھازىر خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتتى.

خاراج

  • خاراج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام مەملىكەتلىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز تەۋەسىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار يەنى غەيرىي دىندىكىلەردىن ئادەم بېشىغا ئېلىنىدىغان يەر بېجى.

خاراز

  • خاراز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] جۇۋاز.

خاراكتېر

  • خاراكتېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] ① ئادەمنىڭ مىجەز-خۇلقى ياكى ئەخلاقىدا نامايان بولىدىغان ۋە ئادەم پسىخىكىسىدا ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئەڭ مۇھىم روھىي ھالەتلەر يىغىندىسى:[مىسال:] خاراكتېرى يامان ئادەم.  ئۇ كىشىنىڭ خاراكتېرى نازۇك.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسە ياكى ۋەقە، ھادىسىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى؛ باشقىلاردىن ئاجرىلىپ تۇرىدىغان بەلگىسى، تۈپكى ماھىيىتى:[مىسال:] ئىنقىلابنىڭ خاراكتېرى. خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل زىددىيەت.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەدەبىيات ۋە سەنئەتتە، بىرەر تىپتىكى كىشىلەرنىڭ تىپىك، ئومۇمىي خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئوبراز؛ تىپ؛ ئالاھىدىلىك:[مىسال:] بۇ ھېكايىدە رىزۋاننىڭ تۈپ خاراكتېرى ئاددىي ۋە روشەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن.

خاراكتېرلەشمەك

  • خاراكتېرلەشمەك[يەشمىسى:] «خاراكتېرلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خاراكتېرلەنمەك

  • خاراكتېرلەنمەك[يەشمىسى:] «خاراكتېرلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن خاراكتېرلەنگەن بۇ مەسىلىنى ئاسانلىقچە ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

خاراكتېرلىك

  • خاراكتېرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① خاراكتېرى بار، خاراكتېرگە ئىگە بولغان:[مىسال:] ئۇ بۇ مەھەللىدە، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق ئۈچەي يولى كېسىلى پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.[يەشمىسى:] ② ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە؛ پەرقلىق، گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بار:[مىسال:] ئۇنىڭ ئاخىرقى خىسلىتى پۈتۈن ئۆمرىنى ئىنقىلابقا بېغىشلاپ قويغان ئادەملەر ئۈچۈن ناھايىتى خاراكتېرلىك ئىدى.

خاراكتېرلىمەك

  • خاراكتېرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ مۇھىم تەرىپى ياكى خاراكتېرىنى، خۇسۇسىيىتىنى ۋە ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرمەك، شەرھلىمەك، سۈرەتلىمەك:[مىسال:] ئۇ ئۆز ماقالىسىدا، جەمئىيەتنى بۇزۇپ خاراكتېرلەيدىغان تەبىرلەرگە يول قويمىدى.

خاراكتېرىستىكا

  • خاراكتېرىستىكا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىگە مۇكەممەل رەۋىشتە بېرىلگەن تەپسىلات. [يەشمىسى:] ② مەلۇم ھادىسە، كىشى ياكى نەرسىلەرنىڭ خاس خۇسۇسىيەت ۋە سۈپەتلىرىنى بەلگىلەش، ئېنىقلاش:[مىسال:] ئاپتور خاراكتېرىستىكىسى.

خارامۇش

  • خارامۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «خامۇش»قا قاراڭ:[مىسال:] توختى قانداقتۇر بىر خىيال ئىچىدە، خارامۇش ئولتۇراتتى.

خارامۇشلۇق

  • خارامۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «خامۇشلۇق»قا قاراڭ:[مىسال:] مەن زاغۇن يېگەن موزايدەك، خارامۇشلۇق ئىچىدە يولۇمنى داۋام قىلماقتا ئىدىم.

خارتۇم

  • خارتۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] پىلنىڭ ئالدىغا ساڭگىلاپ چۈشۈپ تۇرغان، نەرسىلەرنى ئېلىش، كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەرىكەتچان ئەزاسى، يەنى تۇمشۇقى:[مىسال:] پىل خارتۇمى.

خارتۇملۇقلار

  • خارتۇملۇقلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] خارتۇمى بار ھايۋانلار:[مىسال:] خارتۇملۇقلار ئەترىتى.

خارت

  • خارت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] دىماغنى تارتقاندا ياكى مال بوغۇزلىغاندا، چوشقا، ئات قاتارلىقلار يۈگۈرۈپ قاتتىق نەپەس چىقارغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.

خارت-خارت

  • خارت-خارت[يەشمىسى:] «خارت»سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئىشىك ئالدىدىكى چىرايلىق ئارغىماقلار يېقىن كەلگەن ئىسكەندەرگە چاپچىپ، دەھشەتلىك ھالدا خارت-خارت قىلاتتى.

خارت-خۇرت

  • خارت-خۇرت[يەشمىسى:] «خارت» قىلغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار:[مىسال:] ئۇ خارت-خۇرت قىلىپ خورەك تارتقىنىچە ئۇخلاپ كەتتى.

خارتىلداتماق

  • خارتىلداتماق[يەشمىسى:] «خارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خارتىلداشماق

  • خارتىلداشماق[يەشمىسى:] «خارتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىن بىر توپ چوشقا خارتىلدىشىپ چىقىپ كەلدى.

خارتىلدىماق

  • خارتىلدىماق[يەشمىسى:] «خارت-خارت» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «خارت-خۇرت» قىلماق:[مىسال:] ئۆكۈز پىچاق سۈرگەن مالدەك، بوغۇلۇپ، خارتىلداپ ماڭالماي قالدى.

خارتىيە

  • خارتىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆججەت ۋە دېكلاراتسىيەلەرنىڭ نامى:[مىسال:] جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئاتلانتىك ئوكيان خارتىيىسى ۋە ھەر قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ قارارلىرىغا قوشۇلىدۇ.

خارجى

  • خارجى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] كونىرىغان سۆز.[يەشمىسى:] تاشقى:[مىسال:] خارجى سىياسەت.

خار-خار

  • خار-خار[يەشمىسى:] «خارⅢ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] ئۇنىڭ يېنىدا ياتقان خورەكچى بوۋاي خار-خار قىلىپ، بىر خىلدا ئوخلاۋاتاتتى.

خار-خۇر

  • خار-خۇر[يەشمىسى:] «خار» قىلغان ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازلار.

خاررىدە

  • خاررىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «خار» قىلغان ئاۋاز چىقارغان ھالدا، «خار» قىلىپ:[مىسال:] بوۋاي يېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خاررىدە قىلىپ بىرلا خورەك تارتىپ قويدى-دە، يەنە جىم بولۇپ قالدى.

خار-زار

  • خار-زار[يەشمىسى:] خار ۋە زار؛ ئېغىر كۈنگە قالغان، ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشكەن، ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالغان:[مىسال:] باي ھويلىسى باغ ئىكەن، ئاشلىقلىرى تاغ ئىكەن. بىز يېتىملەر خار-زار، يۈرىكىمىز داغ ئىكەن.

خار-زارلىق

  • خار-زارلىق[يەشمىسى:] خار-زار بولغان ھالەت:[مىسال:] سودىگەر خىجىللىق ۋە خار-زارلىق بىلەن بىر تەرەپكە مېڭىپتۇ.

خارقىراتماق

  • خارقىراتماق[يەشمىسى:] «خارقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خارقىراشماق

  • خارقىراشماق[يەشمىسى:] «خارقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خارقىرىماق

  • خارقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خار-خار» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «خار-خار» قىلماق، خارىلدىماق:[مىسال:] چاشقان قارىغۇدەك بولسا، موماي خارقىراپ ئۇخلاۋاتقۇدەك.

خارلاتماق

  • خارلاتماق[يەشمىسى:] «خارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىر ئۆمۈرلۈك مۇھەببەتنى خارلاتمايمەن، باش كەتسىمۇ سۆيگۈنىمنى زارلاتمايمەن.

خارلاشماق

  • خارلاشماق[يەشمىسى:] ① «خارلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بىر ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى بىر بولۇپ، سەكسەن ياشلىق بوۋاينى خارلاشتى.[يەشمىسى:] ② خار بولماق، خارلانماق:[مىسال:] مەن ئۆزۈم بىر ۋاڭ تۇرۇقلۇق بىر شىرە چورۇق تېجىمەللەرنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىكمۇ خارلىشىپ كېتەمدىمەن دېدى شامەخسۇت قاتتىق خورسىنىپ.

خارلانماق

  • خارلانماق[يەشمىسى:] «خارلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇ بۈگۈنمۇ بالىلاردىن خارلانغان ئىدى.

خارلىق

  • خارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئېتىبارسىزلىق، قەدىرسىزلىك، كەمسىتىلگەنلىك:[مىسال:] خارلىق كۆرمەك. خارلىق تارتماق. خارلىقتا ئۆتمەك.

خارلىماق

  • خارلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئادەم ياكى نەرسىنىڭ قەدىرى-قىممىتىنى چۈشۈرمەك، كەمسىتمەك، خار قىلماق:[مىسال:] ئۆگەي ئانا ئۆز قىزىنى ئارزۇلاپ، ئۆگەي قىزىنى خارلىدى.

خارۇزار

  • خارۇزار[يەشمىسى:] «خار-زار»غا قاراڭ.

خارىج

  • خارىج[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىدىن ئايرىلىپ چىققان، قۇتۇلغان:[مىسال:] خارىج بولماق.

خارىلداتماق

  • خارىلداتماق[يەشمىسى:] «خارىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خارىلداشماق

  • خارىلداشماق[يەشمىسى:] «خارىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خارىلدىماق

  • خارىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خار-خار» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «خار-خار» قىلماق؛ خارقىرىماق:[مىسال:] بوۋاي تەكىيىگە بېشىنى قويۇپلا، خارىلداپ ئۇخلاپ كەتتى.

خازان

  • خازان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] كۈزدە سارغىيىپ تۆكۈلگەن ياكى تۆكۈلۈشكە باشلىغان دەل-دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ۋە قوغۇن-تاۋۇز خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پېلەكلىرى، غازاڭ:[مىسال:] خازان بولماق. خازان قىلماق.

خازانلىق

  • خازانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلىرى خازانغا ئايلانغان جاي:[مىسال:] راۋابىڭنى يېڭى مۇقامغا سازلىمىساڭ، كونا مۇقامىڭ تولا قۇلاققا خۇشياقماس. باغ ياساپ، گۈللەر تىكىپ ياشناتمىساڭ، خازانلىقتا بۇلبۇللار قانات قاقماس.

خاسⅠ

  • خاسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر كىشى ياكى شەيئىنىىڭ ئۆزىدىلا بولىدىغان؛ باشقىلاردا يوق:[مىسال:] ئۇلار يېزا يىگىتلىرىگە خاس خىسلەت بىلەن پوكاندەك قىزىرىپ، بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرەپ قويۇشتى.[يەشمىسى:] ② بىرەر كىشىگە ياكى شەيئىگە قاراشلىق، تەۋە، تەئەللۇق؛ مەنسۇپ، مەخسۇس:[مىسال:] خاس كېنىزەك. خاس مېھمانخانا.

خاسⅡ

  • خاسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] دۈشمەن، رەقىب.

خاس-ئام

  • خاس-ئام[يەشمىسى:] يالغۇز كىشى ۋە كۆپچىلىك، خاس ۋە ئامما:[مىسال:] زىيان بوپتۇ ئۆزۈمگە، گۇمانلىنىپ توختامدىن. بولسا ئەقلىم جايىدا، كېيىن قالامتىم خاس-ئامدىن.

خاسلاشتۇرماق

  • خاسلاشتۇرماق[يەشمىسى:] ① «خاسلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] نۇرغۇنلىغان خاس ئىسىملار ئومۇمىي ئىسىملارنىڭ ياكى باشقا سۆز تۈركۈمىدىكى سۆزلەرنىڭ خاسلاشتۇرۇپ قوللىنىلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرماق، خاراكتېرلاشتۇرماق.

خاسلاشتۇرۇلماق

  • خاسلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «خاسلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

خاسلاشماق

  • خاسلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خاس ھالەتكە كەلمەك، خاسلىققا ئايلانماق.

خاسلىق

  • خاسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خاس بولغان ھالەت، مەخسۇسلۇق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] بىر شەيئىنىڭ باشقا شەيئىلەردىن پەرقلىق بولغان ئايرىم، ئالاھىدە خاراكتېرى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پسىخولوگىيە<[يەشمىسى:] شەخسنىڭ تۇراقلىق بولغان پسىخىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى (مەسىلەن، مىجەز، قىزىقىش، ھەۋەس)نىڭ يىغىندىسى. ئۇ بىر ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئاساسىدا، مۇئەييەن ئىجتىمائىي، تارىخىي شارائىت، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.

خاسىڭ

  • خاسىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مېۋە مېغىزىدىن ياغ تارتىشقىمۇ بولىدۇ، يېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ مۇھىم مايلىق زىرائەتلەرنىڭ بىرى. يەر ياڭىقى. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

خاسىڭلىق

  • خاسىڭلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاسىڭ تېرىلغان ئېتىز.

خاسىيەت

  • خاسىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئىجابىي خۇسۇسىيەت، خىسلەت، خاسلىق، ئالاھىدىلىك:[مىسال:] ئۇنىڭ گاھىدا يېقىملىق تەسىرات پەيدا قىلالايدىغان خاسىيەتكە ئىگە كۆزلىرى، ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچ بىلەن يالتىراپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

خاقان

  • خاقان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي خەلقلىرىدىكى بۇيۈك دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇنۋانى ۋە شۇ ئۇنۋاننى ئالغان ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە شەخس؛ ئۇلۇغ خان.

خاقانلىق

  • خاقانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاقانى بار، خاقانغا ئىگە:[مىسال:] بىز ئالتاينىڭ پەرزەنتلىرى سەن بىلەن، روھ ئىگىسى بولدۇق، بولدۇق بەدەنلىك. شەپقەت قىلدىڭ بىزگە تەڭرىم بىباھا، بولۇپ ئالدۇق خاقانلىق ۋە ۋەتەنلىك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاقانغا قاراشلىق مەملىكەت ياكى دۆلەت:[مىسال:] ⅥⅦئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر خاقانلىقلىرىدىن نۇرغۇن ئابىدىلەر قالغان.

خاكسار

  • خاكسار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① ئىتائەتمەن، بويسۇنغۇچى. [يەشمىسى:] ② كۆزگە ئىلىنمايدىغان، ئابرۇيسىز، خار:[مىسال:] ئۆزۈڭنى تۇتۇپ يولۇڭنى تاپ بولمىسا ئىككى پۇتۇڭنى چېقىۋېتىمەن، خاكسار ئىتنىڭ ئورنىدا نان تاشلاپ بېرىپ باقىمەن، دېدى ئۇ.

خاكسارلىق

  • خاكسارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئابرۇيسىزلىق، خارلىق.

خاڭⅠ

  • خاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] كۆمۈر قېزىلىدىغان، كۆمۈر قېزىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئورۇن؛ كان:[مىسال:] خاڭ ئاچماق.

خاڭⅡ

  • خاڭⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇلنى چىڭداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سايمان. ئۇنىڭ ياغاچ خاڭ، تاش خاڭ، تۆمۈر خاڭ قاتارلىق تۈرلىرى بار:[مىسال:] خاڭ سوقماق.

خاڭچى

  • خاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خاڭدا ئىشلەيدىغان كىشى، خاڭ ئىشچىسى.

خاڭداتماق

  • خاڭداتماق[يەشمىسى:] «خاڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خاڭداشماق

  • خاڭداشماق[يەشمىسى:] «خاڭدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار تۇغاننى خاڭداشتى.

خاڭدالماق

  • خاڭدالماق[يەشمىسى:] «خاڭدىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆينىڭ ئۇلى خاڭدالدى.

خاڭدىماق

  • خاڭدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خاڭ بىلەن سوقۇپ چىڭدىماق:[مىسال:] ئىشچىلار بىنانىڭ ئۇلىنى خاڭدىدى.

خال

  • خال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئادەمنىڭ يۈزىدە ۋە بەدىنىدە بولىدىغان قارا نۇقتا، چېكىت؛ مەڭ:[مىسال:] ئۆستەڭ يارىشىقى تال، قىزنىڭ يارىشىقى خال (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرى؛ چىرايلىق جايى؛ ھۆسن، لاتاپەت؛ گۈزەللىك:[مىسال:] بىزمۇ جاھان تۇتۇپ كۆرگەنغۇ، ئەلنىڭ گۈلىگە گۈل، خالىغا خال قويغان.

خالا

  • خالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ھاجەت قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس جاي، ئۆي؛ ھاجەتخانا.

خالاپ

  • خالاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خېمىرىنى يوغان، يوغان تاشلاپ ئېتىدىغان بىر خىل سۇيۇقئاش.

خالات

  • خالات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كىيىم ئۈستىدىن كىيىلىدىغان يالاڭ قەۋەتلىك يەڭگىل ئىش كىيىمى.

خالاتلىق

  • خالاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① خالىتى بار، خالات كىيگەن:[مىسال:] مەن كۆزۈمنى ئاچسام، يېنىمدا ئاق خالاتلىق ئىككى كىشى كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② خالات تىكىشكە ئاتالغان، خالاتقا تۇشلۇق، خالاتقا يەتكۈدەك:[مىسال:] گۈلنىسا بازاردىن بىر خالاتلىق خەسە سېتىۋالدى.

خالاس

  • خالاس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى مەسىلە، ھادىسە، غەم-ئەندىشە ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن قۇتۇلغان، خالىي، ئازاد:[مىسال:] تەشۋىشتىن خالاس. غەمدىن خالاس.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] جۈملىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىشنىڭ شۇ جۈملىدە ئېيتىلغىنى بىلەنلا چەكلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] بۇ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق، خالاس.

خالاشماق

  • خالاشماق[يەشمىسى:] «خالىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] نۇراخۇن كۈلۈپ تۇرۇپ:[مىسال:] بالىلار ئۆزى خالاشقان ئىكەن، بىزمۇ قوشۇلۇشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە، دېدى ئايالىغا.

خالايىق

  • خالايىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەملەر توپى، كۆپچىلىك، ئامما، خەلق، كىشىلەر:[مىسال:] كىچىككىنە تۇمۇچۇق، باغدا ئۈزۈم پىشىپتۇ. شۇ خالايىق ئالدىدا، سىزگە كۆڭلۈم چۈشۈپتۇ.

خالتا

  • خالتا[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىچىگە بىرنەرسە ئېلىش ئۈچۈن قاپ شەكلىدە تىكىلگەن بۇيۇم:[مىسال:] قەغەز خالتا. ئۈن خالتىسى. تاماكا خالتىسى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن، يوللانغان نەرسە-كېرەك، يوللانما:[مىسال:] خالتا ئەۋەتمەك. * بۈگۈن ئۆيدىن خالتا كەلدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، مىقدارنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۆمەر ئاشلىق دۇكىنىدىن بىر خالتا گۇرۇچ سېتىۋالدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بەزى ھايۋانلارنىڭ كىچىك بالىسىنى سېلىپ، كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ماسلاشقان، قارنى ئاستىدىكى خالتىسىمان تېرە قاتلىمى.

خالتا-خالتا

  • خالتا-خالتا[يەشمىسى:] بىرقانچە خالتا، نۇرغۇن خالتا.

خالتىسىمان

  • خالتىسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خالتىغا ئوخشايدىغان، خالتا شەكلىدىكى.

خالتىلاتماق

  • خالتىلاتماق[يەشمىسى:] «خالتىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خالتىلاشماق

  • خالتىلاشماق[يەشمىسى:] ① «خالتىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② پۈرلىشىپ، سولىشىپ كەتمەك:[مىسال:] بىچارە ساغلىقنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى خاراب، يېلىنلىرى خالتىلىشىپ، تېرىسى ئۈستىخانلىرىغا يېپىشىپ كەتكەن.

خالتىلىق

  • خالتىلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① خالتىسى بار، خالتىغا ئىگە:[مىسال:] خالتىلىق زەمبۇرۇغ. خالتىلىق سپورا.[يەشمىسى:] ② خالتا قىلىشقا بولىدىغان، خالتا ئۈچۈن تاييارلانغان، خالتىغا تۇشلۇق:[مىسال:] بىر خالتىلىق رەخت.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] خالتا ھالىتىگە كەلگەن، خالتىلاشقان، خالتىسىمان:[مىسال:] خالتىلىق ئىششىق.

خالتىلىماق

  • خالتىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خالتىغا قاچىلىماق:[مىسال:] ئۇ ئالدى بىلەن يەل-يېمىشلەرنى كىچىك-كىچىك قىلىپ خالتىلىدى.

خاللىق

  • خاللىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خالى بار:[مىسال:] تۇغۇتلۇق ياتقان گۈلنۇر خالىدىننىڭ بوينىدىكى خالىنى سىلاپ تۇرۇپ:[مىسال:] قىزىمىز سىلىگە ئوخشاش خاللىق تۇغۇلدى دېدى، قېينانىسىغا.

خالو

  • خالو[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] نوغۇچ.

خالۋاپ

  • خالۋاپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىلەم، تاغار، خۇرجۇن توقۇغۇچى ھۈنەرۋەن:[مىسال:] بۇ يۇرتتا، كىچىككىنە سەپەر خۇرجۇنىنى كۆتۈرۈپلا كەلگەن ئاتا-بالا خالۋاپلار ئۈچ-تۆت يىل ئۆتمەي خېلى ھاللىق ئائىلىلەردىن بولۇپ قالدى.

خالۋاپلىق

  • خالۋاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گىلەم، خۇرجۇن، تاغار قاتارلىقلارنى توقۇش بىلەن شۇغۇللىنىش كەسپى.

خالىس

  • خالىس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەممىگە بىر خىل نەزەر بىلەن قارايدىغان، بىرەر تەرەپكە يان باسمايدىغان؛ بىتەرەپ؛ ھەقىقىي:[مىسال:] خالىس ئەلچى. خالىس ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدىغان، تەمە قىلمايدىغان، غەرىزى يوق، سەمىمىي:[مىسال:] ئۇ خالىس توغرا شەخسىيەتسىز ئادەم ئىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھەق تەلەپ قىلمايدىغان، ھەق ئالمايدىغان، ھەقسىز؛ چىن كۆڭلىدىن:[مىسال:] خالىس ئەمگەك. خالىس ياردەم.[يەشمىسى:] ④ ئاياللارنىڭ ئىسمى.

خالىسانە

  • خالىسانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمىگەن ھالدا، بىر تەرەپكە يان باسماستىن، ئادىللىق بىلەن:[مىسال:] خالىسانە قىلىنغان ياردەم.[يەشمىسى:] ② ھەق تەلەپ قىلماستىن، تەمەسىز ھالدا، ئۆز ئىختىيارى بىلەن:[مىسال:] بۈگۈن ئىدارىمىزدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلار ئەمگەككە خالىسانە قاتناشتى.

خالىسانىلىك

  • خالىسانىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «خالىسلىق»قا قاراڭ:[مىسال:] خالىسانىلىق بىلەن ئىشلىمەك.

خالىسلىق

  • خالىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ھەممىگە بىر خىل قاراش، بىر تەرەپكە يان باسماسلىق، بىتەرەپلىك، ئادىللىق:[مىسال:] خالىسلىق قىلماق.[يەشمىسى:] ② ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەسلىك، غەرەزسىزلىك، سەمىمىيلىك:[مىسال:] بوۋاي بۇ كۆچەتلىرىنى باشقىلارغا خالىسلىق بىلەن ھەدىيە قىلاتتى.

خالىغانچە

  • خالىغانچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۆز مەيلىچە، ئۆز بىلگىنىچە؛ ئەركىن، بىمالال:[مىسال:] خالىغانچە ئىچىۋەرمەك. خالىغانچە تاللىماق.

خالىماق

  • خالىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى ئارزۇ ۋە ئىختىيار قىلماق، ئۇنىڭغا ئېرىشىش، يېتىش زۆرۈر دەپ بىلمەك؛ ئىزدىمەك، ئۇنىماق:[مىسال:] ئۇ بۈگۈنكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشنى خالايتتى.[يەشمىسى:] ② ئۆز خاھىشى، ئىختىيارى بىلەن تاللىماق، ئىختىيار قىلماق، رازى بولماق (قىز ياكى يىگىت ھەققىدە):[مىسال:] يارنى يار دەمدۇ كىشى، ياماننى يار دەمدۇ كىشى. ياخشى يار يېنىدا تۇرۇپ، ياماننى خالامدۇ كىشى.

خالىي

  • خالىي[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئىچى ئادەم ياكى نەرسىلەر بىلەن بەند بولمىغان، بوش، بىكار:[مىسال:] ئۆيدىكىلەر دىلشاتنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن بىر ئۆينى خالىي قىلىپ بەردى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشى نەزىرىدىن، كۆزىدىن يىراق؛ چەت، خىلۋەت:[مىسال:] قاراقچى خالىي يەردە ئالار، يانچۇقچى توپ ئىچىدە (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ھېچكىم يوق، يالغۇز، ئايرىم:[مىسال:] كەچقۇرۇن بەختىگۈل بىلەن رىشىت خالىي قالدى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچكىم يوق جاي، يەر؛ خىلۋەت يەر، دالدا جاي:[مىسال:] مەن سىز بىلەن خالىيدا گەپلەشمەكچى.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ، «مۇناسىۋەتسىز، ئالاقىسىز، مۇستەسنا، ئازاد» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] تۆتىنچى قىز يۇقىرىقى ئۈچ قىزدا كۆرۈلگەن خۇسۇسىيەتلەردىن خالىي ئىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئەمەس» سۆزى بىلەن بىللە قوللىنىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى چىقىش كىلىشتە كەلگەن سۆزنىڭ ئاڭلاتقان مەنىسىنىڭ بارلىقىنى، مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] دوستۇم ماختاندى پۇل-مۈلكىدىن، خالىي ئەمەسكەن ئويۇن-كۈلكىدىن.

خالىيلاشتۇرماق

  • خالىيلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «خالىيلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇ يەرنى بىتەرەپلەشتۈرۈش ۋە ھەربىي ئىشلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

خالىيلاشماق

  • خالىيلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتسىز تۇرماق، ئۇنىڭدىن خالىي، مۇستەسنا بولماق، ساقلانماق:[مىسال:] ئىككى تەرەپنىىڭ بىر-بىرى بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىدىن خالىيلاشتى.

خالىيلىق

  • خالىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خالىي ھالەت:[مىسال:] ئۇ ئاتالمىش سىياسىيدىن خالىيلىق نەزەرىيىسىنى تەرغىب قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئالدايدۇ.

خامⅠ

  • خامⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قاينىتىلمىغان، پىشۇرۇلمىغان:[مىسال:] خام گۆش. خام سۈت. خام تۇخۇم.  ئوچاققا كىرگەن نان خام چىقماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەبىئىي ھالدا پىشىپ يېتىلمىگەن، پىشمىغان؛ غورا ھالىتىدىكى:[مىسال:] خام تاۋۇز. ∥خام ئورۇلغان بۇغداي.[يەشمىسى:] ③ قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن؛ پىششىقلاپ ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان؛ چالا:[مىسال:] خام يىپەك. خام ئەشيا. خام تېرە.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تازا ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ، رەتلەپ، يېزىپ چىقىلمىغان؛ قايتا ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان؛ چالا:[مىسال:] خام ئەسەر.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەمەلىيەتتىن يىراق، ئەمەلگە ئاشمايدىغان، پىشمىغان:[مىسال:] خام خىيال.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى، ئىشنى، كەسپنى پىششىق ھەم تولۇق ئىگىلىمىگەن، مۇكەممەل ئەمەس، چولتا:[مىسال:] كەسپتە خام. ئىشتا خام.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەجرىبىسى يوق، بېشىدىن تېخى جىق ئىش ئۆتۈلمىگەن، ئىش كۆرمىگەن:[مىسال:] خام بالا. خام ئادەم.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆگەنگۈچىگە تېخى يات بولغان، ئۆگەنگۈچى تەرىپىدىن تېخى ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن (مائارىپ ھەققىدە):[مىسال:] خام سۆز. خام خەت.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشى بويىچە سەل بوش، يۈزەكى:[مىسال:] خام چاغلىماق. خام ئويلىماق.

خام چوت

  • خام چوت[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى مەسىلە ھەققىدە ئالدىنئالا قىلىنغان تەخمىنىي ھېساب، پىلان:[مىسال:] خام چوت قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>مالىيە<[يەشمىسى:] نەق چوت تۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، كىرىم-چىقىمنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان تەخمىنىي سان. نەق چوت ئەنە شۇ سان ئاساسىدا، تېخىمۇ ئىنچىكە ھېسابلاش ئارقىلىق تۈزۈپ چىقىلىدۇ.

خام سۈت ئەمگەن

  • خام سۈت ئەمگەن[يەشمىسى:] بېشىدىن ئاچچىق ساۋاق ئۆتمىگەن؛ كەمچىلىك، خاتالىق ۋە ھەر خىل نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس؛ تەجرىبىسىز، ساددا:[مىسال:] ئادەم خام سۈت ئەمگەن نەرسە. مەھەممەتنى بۇ ئىشنى قىلمىدى دېگىلى بولمايدۇ.

خامⅡ

  • خامⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا يىپتىن توقۇلىدىغان، ئاق رەڭلىك، سىدام، بىر خىل يەرلىك رەخت؛ بۆز، ماتا:[مىسال:] ئۇ خاملىرىنى دېگىنىگە سېتىپ، خوتۇنىغا كەمچەت تۇماق، بالىلىرىغا كىيىم-كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ، خۇرجۇننى تولدۇرۇپتۇ.

خاما

  • خاما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇۋاز قايچىسىنىڭ تاش تۇرىدىغان ياپىلاق جايى:[مىسال:] جۇۋاز خامىسى.

خامار

  • خامار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئادەمنىڭ ئېغىز، بۇرۇن ۋە شۇنىڭغا يېقىن جايلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى:[مىسال:] خامارغا ئۇرماق.

خامان

  • خامان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① زىرائەتنى تېپىش ۋە تازىلاش ئۈچۈن تەييارلانغان مەيدان، جاي:[مىسال:] سابىر ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش دۈيىنىڭ خامىنىدىن كەچ قايتتى.[يەشمىسى:] ② شۇنداق جايغا قۇرۇتۇش، تېپىش، تازىلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلات:[مىسال:] خامان سورۇماق. خامان تەپمەك.[يەشمىسى:] ③ تېپىپ، يانچىپ پاكىزلەنگەن تەييار چەش؛ ئاشلىق:[مىسال:] خامان ئالماق.  ئېكىندە يوق، تېپىنىدە يوق، خاماندا تەييار (ماقال).

خامانچىⅠ

  • خامانچىⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خامان تېپىشكە قاتنىشىدىغان كىشى:[مىسال:] خامانچىلار بۈگۈن خاماندىن كەچ قايتتى.[يەشمىسى:] ② خامانغا قارايدىغان كىشى:[مىسال:] يۇقىرىقى خامانغا خامانچىلار ئوت قالىغان ئىكەن. مەن شۇ ئوتنىڭ تەپتىدە تاڭ ئاتقۇچە تەرلەپ چىقتىم.

خامانچىⅡ

  • خامانچىⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] بالدۇر پىشىدىغان بىر خىل قوغۇن:[مىسال:] تەۋەككۇلئاخۇن مېھمانلارغا قەشقەر قوغۇنلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاخىرىدا خامان ۋاقتىدا پىشىدىغان «خامانچى» ئىسىملىك قوغۇننىڭ بارلىقىنى قوشۇپ قويدى.

خامانلىق

  • خامانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خامان بولىدىغان، خامان قىلىشقا مۇۋاپىق:[مىسال:] خامانلىق يەر.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خامان قىلىشقا مۇۋاپىق تېپىلغان، خامان قىلىنغان يەر:[مىسال:] مەيدان ئەسلىدە مەخسۇت بەگنىڭ كۈز كۈنلىرى باش قوناقنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان ۋە شال تېپىدىغان خامانلىقى ئىدى.

خامباستى

  • خامباستى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خام+باس+تى[[يەشمىسى:] بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى. بۇ ئويۇندا ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۈچلۈكلىرى ئۆز ئىچىدىكى بىپەرۋا، ئېھتىياتسىز ۋە ئاجىزلىرىنى يىقىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستى-ئۈستىلەپ ئۆزلىرىنى تاشلاپ، بېسىشىپ ئوينايدۇ:[مىسال:] خامباستى قىلماق.

خامپا

  • خامپا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈگمەننىڭ تارتىلغان ئۈن چۈشۈپ تۇرىدىغان، تۈگمەن تېشىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوي (چوڭقۇر) جايى:[مىسال:] تۈگمەننىڭ خامپىسى.  چورۇقنى سالماي خامپىغا كىرمە (ماقال).

خامپىغا سەكرىمەك

  • خامپىغا سەكرىمەك[يەشمىسى:] تەييارلىقسىزلىقلا، تەۋەككۈلىگە ئىش قىلماق:[مىسال:] بۇ ئىشتا ئالدىراپ خامپىغا سەكرىمەيلى.

خامتالاش

  • خامتالاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خام+تالاش[[يەشمىسى:] ① مال سويۇپ، ئۇنىڭ گۆشىنى سەدىقە قىلىپ باشقىلارغا خام پېتى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىش:[مىسال:] خامتالاش قىلماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆپچىلىكنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى، مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ بۆلۈۋېلىش:[مىسال:] ئەزالار ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بىر قوينى خامتالاش قىلىشمايدۇ، سەنلەر ھەدېسە تاغدىن كوممۇنانىڭ قويىنى ئەكېلىپ يەۋىرىشسەڭ، نېمە توشايدۇ، دېدى ئۇ.

خامتەك

  • خامتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خام+تەك[[يەشمىسى:] ئۈزۈمنى كۆمۈش ۋاقتىغىچە پىشىپ بولالمىغان ئۈزۈم شۇڭلىرى؛ خام شۇڭ:[مىسال:] ئۈزۈمنىڭ خامتېكى.

خامچى

  • خامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خام توقۇيدىغان ئادەم؛ بۆزچى، باپكار:[مىسال:] مەن چىن مەملىكىتىدىن بولۇپ، خامچىلار مەھەللىسىدە تۇراتتىم، ناھايىتى باي ئادەم ئىدىم، دېدى ئۇ.

خام-خاتىلا

  • خام-خاتىلا[يەشمىسى:] تولۇق پىشمىغان، چالا پىشقان:[مىسال:] خام-خاتىلا تاماق. خام-خاتىلا يۇتماق.

خامسۇق

  • خامسۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] پۇرىقىدىن، كۆرۈنۈشىدىن تولۇق پىشمىغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان؛ چالا پىشقان، خام-خاتىلا:[مىسال:] خامسۇق نان.

خاملىق

  • خاملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خام ھالەت، پىشمىغانلىق:[مىسال:] بۇ ئىشتا مەن خاملىق قىلىپتىمەن.  مېنى يىگىت دەيسەنغۇ، يىگىت يوغان كىشىغۇ قىزىق بولدى سوئالىڭ، خاملىق يىگىت ئىشىمۇ

خاملىماق

  • خاملىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] چىغداندىكى كىرىشتۈرۈلگەن يۇڭنى نەمدەپ قول بىلەن يۇمىلىتىپ، پۇت بىلەن دەسسەپ پىشۇرماق؛ چىڭدىماق. (كىگىزچىلىكتە).

خامۇت

  • خامۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ھارۋىغا قوشۇلغان ئاتنىڭ بوينىغا سېلىنىدىغان، ئىككى ياندىن ھارۋا شوتىسى ئۇچىغا باغلىنىدىغان ياغاچ بۇيۇم، جاۋەن:[مىسال:] ئۇ ئاتلىرىغا ئالدىرىماي خامۇت كىيدۈرۈپ، ھارۋىسىنى قوشتى.

خامۇش

  • خامۇش[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① شۈك، جىم بولۇپ قالغان؛ جىم، كەم سۆز:[مىسال:] خامۇش ئادەم.  ئالماس ئاكا خامۇش كۆزىنى تورۇسقا تىككىنىچە ئۈن-تىنسىز ياتاتتى.[يەشمىسى:] ② غەم-غۇسىسىگە پاتقان، غەمكىن، ئويچان، چۈشكۈن؛ سولغۇن:[مىسال:] دوختۇرخانا يېنىدىكى كوچىدا ياسىن خامۇش ھالدا كېتىۋېتىپ، بىردىنلا قادىرنى كۆرۈپ قالدى.

خامۇشلانماق

  • خامۇشلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خامۇش ھالەتكە كەلمەك، خامۇش بولماق:[مىسال:] خامۇشلانغان بۇلبۇلگويا پادىشاھقا قاراپمۇ قويمىدى.

خامۇشلۇق

  • خامۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خامۇش ھالەت:[مىسال:] ئۇ يەردە كۆڭۈللەرنى ياشارتىدىغان خۇش پۇراق تارقىلىپ، بىھوشلۇق، خامۇشلۇقنى تارقىتىۋەتكەندەك بولدى.

خامېلېئون

  • خامېلېئون[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل سۆرەلگۈچى ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا ئۇزىراپ، قىسقىرايدۇ ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؛ بېشىدا ئۈچ بۇرجەك شەكلىدە ئۆسمىسى بولىدۇ؛ تىلى ئۇزۇن بولۇپ، ئېغىز سىرتىغا سوزۇپ چىقىرىپ، ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ؛ تۆت ئايىغى قىسقا، دەرەخكە چىقىشقا ماھىر كېلىدۇ؛ قۇيرۇقىمۇ ئۇزۇن كېلىدۇ. ئافرىقىنىڭ شىمالى، كىچىك ئاسىيا ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

خان

  • خان[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] جۇڭگو ۋە باشقا شەرق مەملىكەتلىرىدە، ئوتتۇرا ئەسىرگە تەۋە خانلىق تۈزۈمدىكى ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەمەل نامى ۋە شۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن كىشى:[مىسال:] قوقەنت خانى. خان سارىيى.  خاننىڭ ئاغزى مايمۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خانلىق قىلغان، خانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كىشى ئىسمىغا قوشۇلۇپ كېلىپ، شۇ كىشىنىڭ ھۆرمەت مەنسىپىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، قىدىرخان ياركەندى يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ۋە مۇزىكىشۇناس بولۇپ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىدا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنىكەن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «ئانا، ئاغىچا، ئاچا» سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ياكى ئاياللار، بەزىبىر ئەرلەر ئىسمىنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ، ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خان ئانا. خان ئاچا. ھاۋاخان.  مېنىڭ تاغام مامۇتخان پىچان ناھىيىلىك بانكىدا ئىشلەيدۇ.

خانا

  • خانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۆي ياكى بىر پۈتۈن بىنانىڭ تام بىلەن بۆلۈنگەن ھەربىر قىسمى؛ بۆلۈم:[مىسال:] مەلىكە خۇشال بولۇپ، ئۇنى باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇدى. پەرى قىزلار ھاتەمنى باشلاپ، مەلىكىنىڭ خانىسىغا كىرىشتى.[يەشمىسى:] ② تۇرالغۇ جاي، ئائىلە، ئۆي:[مىسال:] تاماقتىن كېيىن، شائىرمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئۇزاپ، ئۆز خانىسىغا قايتتى.[يەشمىسى:] ③ بەزىبىر ئىسىملارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ كېلىپ، «ئورۇن-جاي» مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنى ياسايدۇ:[مىسال:] كارخانا. دەرسخانا. مەجلىسخانا. ھاجەتخانا.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] سانلارنىڭ تۇرۇش ئورنى. مەسىلەن، ساننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ سانىغاندا، بىرىنچى ئورۇن بىرلەر خانىسى، ئىككىنچى ئورۇن ئونلار خانىسى بولىدۇ.

خاناقىماق

  • خاناقىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بىرەر ئادەم ياكى بىرەر نەرسە، ئىش قاتارلىقلار ھەققىدە دەرگۇمان بولماق، ئىككىلەنمەك.

خانئەتلەس

  • خانئەتلەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خان+ئەتلەس[[يەشمىسى:] رەڭ ۋە گۈللىرى جەھەتتىن ئالاھىدە قىلىپ ئىشلەنگەن بىر خىل ئەتلەس:[مىسال:] ئۇچاتتى كۆڭلىكى خانئەتلەس ئۇنىڭ، دوپپىسى ئوخشايتتى چېچەك پەسلىگە. ئۇچاتتى شۇنچىلىك ئىنتىزار بولۇپ، ئاھ، لەيلى ئاشىقى قەيىس ۋەسلىگە

خانپەرەس

  • خانپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاننى، خانلىقنى ياقلايدىغان؛ خان تەرەپدارى:[مىسال:] بۇ ئىنقىلابنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان خانپەرەس ئەركىن بۇرژۇئازىيىنى يېتىم قالدۇرۇش ئىدى.

خانچە

  • خانچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خاننىڭ خوتۇنى، خانىش.

خانزادە

  • خانزادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① خاننىڭ پەرزەنتى (ئوغلى ياكى قىزى)، خان ئەۋلادى:[مىسال:] باينىڭ نامى بەگزادە، خوتۇن-قىزى خانزادە، بىزنى ئاشۇ زاماندا، ئاتىشاتتى قەلەندەر.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

خانقىز

  • خانقىز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خان+قىز[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھاشاراتلارنىڭ بىر ئائىلىسى. يېتىلگىنى يېرىم شار شەكلىدە بولۇپ، بېشى كىچىك، خىللىرى كۆپ، رەڭگى ھەر خىل كېلىدۇ. بۇ خىل ھاشاراتلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زور كۆپچىلىكى كۆكپىت، سالجا قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەپ، دېھقانچلىق ۋە ئورمانچىلىققا پايدا يەتكۈزىدۇ. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

خانگۈل

  • خانگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خان+گۈل[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] كېپىنەكگۈل. [يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمى.

خانلەيلۇن

  • خانلەيلۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ناخشىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

خانلىق

  • خانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم بىر خانلىق تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت، سۇلالە، خانىدانلىق. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى، خاننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى:[مىسال:] خانلىق يەر. * ئابدۇقادىر دامۇللا قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان.

خانۇمان

  • خانۇمان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مال-مۈلۈك، بىسات، بايلىق؛ ئۆي-جاي، تۇرالغۇ:[مىسال:] ئۇ: «خانۇمانىمدىن، مېھرىبانىمدىن، روزىغارىمدىن، جاندىن ئەزىز پەرزەنتلىرىمدىن ئايرىلدىم» دەپ زار-زار يىغلاپتۇ.

خانى

  • خانى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ياكى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. خانى تىلى خەنزۇ-زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسىنىڭ زاڭزۇ-ميەنزۇ تىللىرى تۈركۈمى يىزۇ تىللىرى تارمىقىغا كىرىدۇ. ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې خانى-يىزۇ مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستىدا، جياڭچېڭ خانى-يىزۇ مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسىدە، شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، موجياڭ ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا ئىشلىتىلىدۇ. چەت ئەللەردە ئاكا تىلى دەپ ئاتىلىپ بىرما، لائوس، تايلاند، ۋيېتناملار دائىرىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.

خانىدان

  • خانىدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئائىلە، جەمەت:[مىسال:] شۈي شۇ كېلىپ، ئالدى بىلەن ۋەزىر خانىدانىدا ساۋ ساۋ بىلەن كۆرۈشتى.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خانلىق، سۇلالە:[مىسال:] ئىرۇر بىر خانى ئۇشبۇ خانىداننىڭ، ئۇنتۇلماس بۈيۈك كىشىسى زاماننىڭ.

خانىدانلىق

  • خانىدانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خانلىق، سۇلالە.

خانىش

  • خانىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] خان، پادىشاھ، ۋاڭلارنىڭ خوتۇنى: مېھرىبانۇ چىڭ ۋاڭ قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ يەتتىنچىسى مۇھەممەت بەشىر ۋاڭنىڭ خانىشى ئىدى.

خانىقا

  • خانىقا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① ئىشان، سوپىلارنىڭ توپلىشىپ، بىرلىكتە زىكىرگە چۈشىدىغان، زىكىر-ئىبادەت قىلىدىغان خانىسى، ئورنى. [يەشمىسى:] ② بىر قېتىمدا كۆپرەك ئادەم ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلىپ سېلىنغان چوڭ مەسچىت؛ جامە:[مىسال:] بىركۈنى لۇتپۇللا ئەتىگەن سەھەردە ئادىتى بويىچە لەنگەر كوچىسىدىكى خانىقا ئالدىغا ئاستا مېڭىپ كەلدى.[يەشمىسى:] ③ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ناماز ئوقۇلىدىغان، ئادەتتە كەڭ ۋە كاتتا بولىدىغان گۇمبەزلىك خانىسى:[مىسال:] مەسچىتنىڭ خانىقاسى.

خانىم

  • خانىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئاياللارنى ھۆرمەت بىلەن چاقىرىش، مۇراجىئەت قىلىش فورمىسى:[مىسال:] خانىملار، ئەپەندىملەر، بىزنىڭ سىزلەرنى بۇ يەرگە چاقىرىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز بۈگۈن ئاخشام ھەممەيلەن بىرلىكتە يېڭى يىل كېچىسىنى كۆڭۈللۈك كۈتۈۋېلىش.[يەشمىسى:] ② ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] پەرىدە خانىم.[يەشمىسى:] ③ ئايال مۇئەللىم:[مىسال:] ئۇ بۇنىڭدىن تۆت-بەش يىل ئىلگىرى مەكتەپ سېلىشقا تۇنجى بولۇپ كەلگەن بىر ياش خانىمنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى.[يەشمىسى:] ④ رەپىقە، ئايال:[مىسال:] خانىمىڭىزنى تويغا بىللە ئېلىپ كەلمەپسىزغۇ دەپ سورىدى ئەخمەت كەسىپدىشى ئابدۇللادىن.

خانىۋەيران

  • خانىۋەيران[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئۆي-جايى ياكى ئائىلىسى بۇزۇلغان، ۋەيران بولغان؛ ھەممە نەرسىدىن ئايرىلغان، قۇرۇق قالغان؛ ۋەيرانە، خاراب:[مىسال:] بەزى كىشىلەر ئۆلۈپ ياكى ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پۇل ۋە مال-مۈلۈكلەردىن ئايرىلىپ، خانىۋەيران بولۇپ كەتتى.

خانىۋەيرانچىلىق

  • خانىۋەيرانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خانىۋەيرانلىق:[مىسال:] ئۇ سودىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن تۇرمۇشى خانىۋەيرانچىلىق ئىچىدە قالدى.

خانىۋەيرانلىق

  • خانىۋەيرانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خانىۋەيران ھالەت، خارابلىق:[مىسال:] خانىۋەيرانلىققا ئۇچرىماق.  مۇتلەق زور كۆپچىلىك دېھقانلار نامراتلىق ۋە خانىۋەيرانلىق يولىنى تاشلاپ، بۇ يېڭى تەرەققىيات يولىغا مېڭىشنى خالايدۇ.

خاھى

  • خاھى[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بەزى جۈملە ياكى جۈملە بۆلەكلىرىنى ئۆزئارا باغلاپ كېلىپ، «ياكى»، «يا»، «مەيلى» دېگەن مەنىلەردە تاللىما باغلىغۇچى رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ئۇ خاھى كەلسۇن، خاھى كەلمىسۇن، مېنىڭ كارىم يوق. خاھى ئۇنى ئال، خاھى بۇنى ئال، ئۆز مەيلىڭ.

خاھىش

  • خاھىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنى، ئىشنى خالاش، ئىزدەش ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش، مايىل بولۇش؛ مايىللىق، ئىستەك، ئارزۇ:[مىسال:] ئۆز خاھىشىنى بىلدۈرمەك.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش، بىرەر مەسىلە ھەققىدە يۈز بەرگەن ھادىسە، ئەھۋال:[مىسال:] يامان خاھىش. كاپىتالىستىك خاھىش.

خاۋاتىر

  • خاۋاتىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] تەشۋىش، ئەندىشە، قورقۇنچ.

خاۋاتىرلاندۇرماق

  • خاۋاتىرلاندۇرماق[يەشمىسى:] «خاۋاتىرلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] رەسىمدىكى ئايالنىڭ ئاپئاق چىشلىرى كىشىنى خاۋاتىرلاندۇراتتى.

خاۋاتىرلانماق

  • خاۋاتىرلانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① تەشۋىشكە چۈشمەك، تەشۋىشلەنمەك؛ قايغۇرماق:[مىسال:] گايىتئاخۇن خاۋاتىرلانغان ھالدا ئابلىزغا قارىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىدىن خەۋپسىرىمەك، چۆچۈمەك، قورقماق:[مىسال:] ئالماس ئاكىنىڭ ئاچچىق ئەلەم بىلەن توۋلىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن مەلىكە ھەدە خاۋاتىرلىنىپ قالدى.

خاۋاتىرلىق

  • خاۋاتىرلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەشۋىشلىك، قورقۇنچلۇق، خەتەرلىك:[مىسال:] رۇسلارمۇ پايتەختتىكى بۇ قالايمىقانچىلىقلارغا ھەسرەت ۋە خاۋاتىرلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلەتتى.

خاۋارىچ

  • خاۋارىچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خەلىپە ئەلىگە قارشى چىققان ئىسلام دىنىدىكى بىر گۇرۇھ. [يەشمىسى:] ② كىشىنى تىللاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

خاۋازا

  • خاۋازا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] پىستىنىڭ كۈچۈكى.

خاۋالىس

  • خاۋالىس[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئۇخلىغان بىلەن ئۇخلىمىغاننىڭ ئارىلىقىدا، چالا ئۇيقۇلۇق:[مىسال:] ۋاي تېخى، تۆنۈگۈن كېچە خاۋالىس ياتتىم، دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى بىر ئاشپەز ئايال.

خائىن

  • خائىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەھدىسىنى، قەسىمىنى بۇزۇپ، خىيانەتكارانە ئىش قىلغان كىشى؛ خىيانەتكار ئادەم. [يەشمىسى:] ② ئۆز خەلقى، ئۆز ۋەتىنىنىڭ مەنپەئىتىگە زىت ئىش قىلغان، دۈشمەن تەرەپ بىلەن ھەمكارلاشقان، دۈشمەن تەرەپكە ئۆتكەن كىشى؛ ساتقىن:[مىسال:] ۋەتەن خائىنى.* باشلانماستىن قوزغىلاڭ، چىقتى خائىن ئارىدىن. بىر قىسىملار تۇتۇلدى، چىقماستىن ئىش جايىدىن.

خائىنانە

  • خائىنانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] خائىنلارچە:[مىسال:] شەرتنامىنى خائىنانە بۇزماق. خائىنانە ھۇجۇم قىلماق. خائىنانە ھەرىكەت. خائىنانە ئىش.

خائىنلارچە

  • خائىنلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خائىنلارغا خاس، خائىنلاردەك، خائىنانە:[مىسال:] خائىنلارچە ھەرىكەت. خائىنلارچە ئىش قىلماق.

خائىنلىق

  • خائىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خائىننىڭ تەبىئىتى، ساتقىنلىق:[مىسال:] خائىنلىق قىلماق. ۋەتەن سۆيۈش چىن ئىنسانغا خاس، ۋەتەنسىزلىك ئۆلۈمدۇر، خالاس. ۋەتەن سۆيمىگەن كىشى يۈزىگە، خائىنلىقنىڭ تامغىسىنى باس!

خايا

  • خايا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى.

خايان

  • خايان[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ئىختىيارى بىلەن، مەيلىچە، خاھىشىچە.

خايناخا

  • خايناخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① ھېچبىر سەۋەبى يوق، بىكاردىن-بىكار، ئوچۇقتىن-ئوچۇق. [يەشمىسى:] ② ئېھتىمال، ھەرقاچان، بەلكىم.

خەپ

  • خەپ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] پۇشايمان، ئەپسۇس ۋە ھەسرەت-نادامەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئوسمان چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، ئەلەم بىلەن:[مىسال:] ۋەزىر ئەزەمنىڭ پەرمانى ئەمەلگە ئاشماي قالدى، خەپ دېدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] «توختاپ تۇر»، «قاراپ تۇر»، «ئالدىرىما» دېگەن مەنىلەردە قىستۇرما رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] ئۇ، قىزنىڭ قارىسى پۈتۈنلەي يوقالغاندىن كېيىن: خەپ، تېخى ساڭا ئۆزۈمنى بىر تونۇتمىسام ھېساب ئەمەس، دەپ ئۆزىگە شىۋىرلاپ، ئارقىسىغا بۇرۇلدى.

خەپرۈك

  • خەپرۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بەلغەم.

خەپشۈك

  • خەپشۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[قۇرۇلمىسى:]]خەپ+شۈك[[يەشمىسى:] «جىم»، «شۈك»، «دىققەت» مەنىلىرىدىكى بۇيرۇق-چاقىرىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] گەپ دېسە بەش ئېشەككە يۈك، ئىش دېسە خەپشۈك (ماقال).  بىز ئىشىكتىن كىرىشىمىز بىلەن، موللام «خەپشۈك» دەپ ۋارقىرىدى. ئۆي ئىچى جىمجىت بولۇپ قالدى.

خەت

  • خەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① يېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان گرافىك بەلگىلەر، ھەرپلەر سىستېمىسى؛ يېزىق:[مىسال:] خەت يازماق. ئەرەبچە خەت. لاتىنچە خەت.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش ياكى مەسىلە ھەققىدە يېزىلغان تېكىست؛ پۈتۈك:[مىسال:] قەشقەر ئوغلى يازدىم مەن، ئۆچمەس قىلىپ خېتىمنى. ئەسلەر مۇندا كەلگەنلەر، ئابدۇراخمان ئېتىمنى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر ئىشنىڭ شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان رەسمىي ھۆججەت:[مىسال:] بىز ئاخىرى مەڭگۈ بىرگە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن توي خېتىنىمۇ ئالدۇق. مانا، ئەتە مېنىڭ تويۇم بولىدۇ.[يەشمىسى:] ④ يىراقتىكى كىشىگە بىرەر خەۋەر بېرىش ياكى ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىش مەقسىتىدە ئەۋەتىلىدىغان، بىرەر تېكىست يېزىلغان قەغەز، نامە؛ مەكتۇپ:[مىسال:] خەت ساندۇقى. زاكاز خەت. خەت سالماق.

خەت-ئالاقە

  • خەت-ئالاقە[يەشمىسى:] خەت ۋە شۇ خىل ۋاسىتە بىلەن قىلىندىغان ئالاقە:[مىسال:] ئۇنىڭ بىلەن خەت-ئالاقە قىلىشمىدۇق، دېدى لەيلىگۈل.

خەتەر

  • خەتەر[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كىشىنى بىرەر بەختسىزلىككە، پالاكەتكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن بولغان شارائىت، خەۋپ:[مىسال:] خەتەرگە ئۇچرىماق. خەتەردىن قۇتۇلماق. خەتەر چىقماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەتەرلىك، خەۋپلىك:[مىسال:] قەمەر شاھدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئانىسى زار-زار يىغلاپ ئېيتتىكى: ئى بالام، خەتەر يولغا ئاتلىنىپسەن، قايتقىن يولۇڭدىن، دېدى.

خەتەرسىز

  • خەتەرسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەتىرى يوق، بىخەتەر:[مىسال:] خەتەرسىز جاي، خەتەرسىز يوللار.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خەتەرگە ئۇچرىماي، بىخەتەر ھالدا:[مىسال:] ساۋۇت دوختۇر گلۇكوزا ئوكۇلىنى خەتەرسىز سالدى.

خەتەرسىزلەندۈرمەك

  • خەتەرسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «خەتەرسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خەتەرسىزلەندۈرۈلمەك

  • خەتەرسىزلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «خەتەرسىزلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

خەتەرسىزلەنمەك

  • خەتەرسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەتەرسىز ھالغا كەلمەك.

خەتەرسىزلىك

  • خەتەرسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەتەرسىز ھالەت، خاتىرجەملىك.

خەتەرلىك

  • خەتەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر بەختسىزلىككە، پالاكەتكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان؛ خەۋپلىك:[مىسال:] خەتەرلىك يول. خەتەرلىك كېسەللىك. خەتەرلىك ئىش. خەتەرلىك پەيت.

خەتتا

  • خەتتا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ۋاڭلىق تۈزۈمىدە دىۋان بېگىنىڭ پۈتۈكچىسى؛ دەپتەر تۇتقۇچى.

خەتتات

  • خەتتات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خەتنى چىرايلىق يازىدىغان ئادەم، ھۆسنخەت يازغۇچى كىشى؛ ھۆسنخەتچى:[مىسال:] خەتتاتلار جەمئىيىتى.

خەتتاتلىق

  • خەتتاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەتنى چىرايلىق يېزىش ھۈنىرى:[مىسال:] خەتتاتلىق قىلماق.  ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىشنى مەشىق قىلىپ، خەتتاتلىقنى ئۆگىنىۋاپتۇ.

خەت-چەك

  • خەت-چەك[يەشمىسى:] خەت، تېلېگرامما ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.

خەتچى

  • خەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بۇرۇنقى زامانلاردا خان، بەگ ۋە دورغىلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خەت-چەكلىرىنى يېزىپ بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان پۈتۈكچى خادىم؛ كاتىپ. [يەشمىسى:] ② خەت توشۇغۇچى؛ پوچتىكەش. [يەشمىسى:] ③ پوچتىخانىدا باشقىلارغا خەت يېزىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئادەم.

خەت-خالتا

  • خەت-خالتا[يەشمىسى:] خەت ۋە خالتا:[مىسال:] ساۋۇت، بالا-چاقاڭدىن خەت-خالتا كەپتۇ، قارىغىنا دېدى ئايىمخان ئاچا ئاش ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن.

خەت-خەۋەر

  • خەت-خەۋەر[يەشمىسى:] خەت ۋە خەۋەر:[مىسال:] ئاكامدىن خەت-خەۋەر كەلمىدى.

خەت-ساۋات

  • خەت-ساۋات[يەشمىسى:] ئوقۇش ھەم يېزىش:[مىسال:] ئۇنىڭ خەت-ساۋاتى يوق.

خەت-ساۋاتلىق

  • خەت-ساۋاتلىق[يەشمىسى:] ئوقۇش، يېزىشنى بىلىدىغان، مەلۇماتلىق.

خەتسىمان

  • خەتسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەت شەكلىدىكى، خەتكە ئوخشايدىغان:[مىسال:] خەتسىمان تۈزۈلمە.

خەتكۈش

  • خەتكۈش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ئوقۇلۇۋاتقان بەتنى كېيىن ئاسان تېپىۋېلىش ئۈچۈن، بەت ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويۇلىدىغان نەرسە:[مىسال:] لۇغەتنىڭ بەت ئارىلىقلىرىغا ھەرپلەر يېزىلغان بىرقانچە خەتكۈشلەر قىستۇرۇلغانىدى.

خەتلەتمەك

  • خەتلەتمەك[يەشمىسى:] «خەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خەتلەشمەك

  • خەتلەشمەك[يەشمىسى:] «خەتلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خەتلەنمەك

  • خەتلەنمەك[يەشمىسى:] «خەتلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇنىڭ نەرسە-كېرەكلىرى سالا-سۇلھ بىلەن يەر پۇلىغا سۇندۇرۇلۇپ، تۇردىھاجىمنىڭ نامىغا خەتلەندى.

خەتلىك

  • خەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① خېتى بار، خەت يېزىلغان:[مىسال:] ئۇ مەكتەپتىكى سىنىپلار ئازادە ۋە يورۇق. ھەربىر سىنىپقا چوڭ خەتلىك شوئارلار چاپلانغانىدى.[يەشمىسى:] ② مەلۇم مىقداردىكى خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:[مىسال:] باھارگۈل مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە يېقىن قالغاندا، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سانلار توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ئۈچ مىڭ خەتلىك ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ئېلان قىلدى.

خەتلىمەك

  • خەتلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] يېزىپ قويماق، خاتىرىلىمەك، تىزىملىماق:[مىسال:] بالىنىڭ ئوتتەك ئوقۇغۇسى بار ئىدى. دەپتەرلىرىنىڭ بىر بۇرجىكىگە خەتلەپ قويغان بولسىلا، بەكمۇ خۇش بولۇپ قالاتتۇق، مۇئەللىم، دېدى ھېلىقى ئادەم.

خەتمە

  • خەتمە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مېيىت دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، قەبرە بېشىدا ۋە مېيىت ئۇزىتىلغاندىن كېيىن، مېيىت چىققان ئۆيدە قۇرئان ئوقۇش.

خەتمە-ئىستىغپار

  • خەتمە-ئىستىغپار[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۈناھلىرىغا توۋا قىلىش مەقسىتىدە، قۇرئاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنى ئوقۇپ، دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئاللادىن سورالغان كەچۈرۈم:[مىسال:] خەتمە-ئىستىغپار قىلماق. خەتمە-ئىستىغپار ئوقۇماق.

خەتمۇخەت

  • خەتمۇخەت[يەشمىسى:] بىر خەت-بىر خەتتىن، بىر خەتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي:[مىسال:] خەتمۇخەت ئوقۇماق. خەتمۇخەت تەرجىمە قىلماق.

خەتمىقۇرئان

  • خەتمىقۇرئان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خەتمە+قۇرئان[[يەشمىسى:] ئۆلگەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇش:[مىسال:] خەتمىقۇرئان قىلماق.  ئۇ شۇ كېچىنى كارۋانلارنىڭ پىرى شەيخ ئابدۇقادىر جىلانىينىڭ روھىغا بېغىشلاپ، خەتمىقۇرئان ۋە نەزىر-چىراغ بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ.

خەتنە

  • خەتنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] مۇسۇلمانلار ۋە بەزى خەلقلەردە تازىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوغۇل بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنى قىسمەن كېسىش ياكى كەستۈرۈش:[مىسال:] خەتنە قىلماق.

خەتنىچى

  • خەتنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئوغۇل بالىلارنى خەتنە قىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] تاھىرنىڭ خەتنىسىنى قىلىدىغان خەتنىچى تېخى يېتىپ كەلمىدى.

خەتنىلىك

  • خەتنىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوغۇل بالىنىڭ چۇچىقىنىڭ خەتنە قىلىنىدىغان قىسمى ناھايىتى ئاز:[مىسال:] خەتنىلىك بالا. خەتنىلىك تۇغۇلماق.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] يەتتە-سەككىز ياشلارغا كىرگەن ئوغۇل بالىلارنىڭ چۇچىقىنىڭ ئۇچ قىسمىدىكى تېرىسىنىڭ خەتنە قىلىنىدىغان يېرى:[مىسال:] خەتنىلىكنىڭ ئۇزۇن بولۇشى خەتنىلىك ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، ئاجرالمىلار ۋە كىرلەر خەتنىلىك ئاستىغا يىغىلىۋېلىپ، شىللىق پەردىلەرنى غىدىقلاپ قىچىشتۇرىدۇ.

خەتىپ

  • خەتىپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] مەسچىتتە خۇتبە ئوقۇيدىغان، ۋەز ئېيتىدىغان داموللا؛ جامائەت ئالدىدا شەرىئەتتىن تەپسىر قىلغۇچى كىشى.

خەج

  • خەج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پۇل، مەبلەغ.

خەج-خىراج

  • خەج-خىراج[يەشمىسى:] سەرپ قىلىشقا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە پۇلغا ئالماشۇرغىلى بولىدىغان، ئىقتىسادىي قىممىتى بار نەرسىلەر؛ خىراجەت:[مىسال:] يىگىت. پادىشاھقا: دادام «ئوغلۇمنىڭ خەج-خىراجى ئۈچۈن» دەپ سىلىگە ئۆز بىساتىدىن ئون مىڭ دىنار ئالتۇن بەرگەنىدى، -دەپتۇ.

خەج-خىراجەت

  • خەج-خىراجەت[يەشمىسى:] «خەج-خىراج»قا قاراڭ:[مىسال:] ئەتىسى يولغا چىقىش ئالدىدا ئۇ، ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ھالقىنى قۇلىقىدىن ئېلىپ: ئەركىن، مانا بۇنى ئېلىۋېلىڭ، لازىم بولسا، سېتىپ خەج-خىراجەت قىلارسىز، دەپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.

خەجلەتمەك

  • خەجلەتمەك[يەشمىسى:] «خەجلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خەجلەشمەك

  • خەجلەشمەك[يەشمىسى:] «خەجلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار دادىسىدىن مىراس قالغان پۇللارنى تۈگىگىچە خەجلەشتى.

خەجلەنمەك

  • خەجلەنمەك[يەشمىسى:] «خەجلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] 2000 يۈەن پۇل خەجلىنىپ بولدى، دېدى تالىپباي خوتۇنىغا.

خەجلىمەك

  • خەجلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خىراجەت قىلماق، سەرپ قىلماق:[مىسال:] ئابدۇللا توي تەييارلىقىدا پۇلدىن قىسىلىپ، بىر ئېغىز ئۆينىڭ ياغاچ-تېشىنى سېتىپ خەجلىمەكچى بولدى.

خەددەڭ

  • خەددەڭ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] يوغان-يالپا، بەستلىك.

خەرەك

  • خەرەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] دۇتار، تەمبۇر، راۋاب قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ تارلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، يۈزىگە قويۇلىدىغان تىرەك:[مىسال:] دۇتار خەرىكى. راۋاب خەرىكى.[يەشمىسى:] ② كىگىزچىلىكتە، دۇكان سوسىيىنى ئېڭەكتىن ئاجرىتىپ تۇرىدىغان قىستۇرما ياغاچ.

خەرىتە

  • خەرىتە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] يەر شارى يۈزىدىكى نەرسىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان سخېما:[مىسال:] دۇنيا خەرىتىسى. خەتسىز خەرىتە.

خەرىتىلەشتۈرمەك

  • خەرىتىلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «خەرىتىلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] شىنجاڭ گېئولوگىيە ئەترىتى شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل نېفىت زاپىسى ۋە ھەر خىل مىنېراللار بار يەرلىرىنى خەرىتىلەشتۈرۈپ بولدى.

خەرىتىلەشتۈرۈلمەك

  • خەرىتىلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «خەرىتىلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] يېڭى شەھەرلەر خەرىتىلەشتۈرۈلدى.

خەرىتىلەشمەك

  • خەرىتىلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر ئورۇن، جاينىڭ خەرىتىسى قەغەز ۋە باشقا نەرسە يۈزىگە سىزىلىپ چىقماق:[مىسال:] ئۈرۈمچى شەھىرى خەرىتىلەشتى.

خەزىنە

  • خەزىنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① پۇل، ئالتۇن-كۈمۈش، تىللا ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملار ساقلىنىدىغان مەخسۇس جاي؛ ئامبار:[مىسال:] بوۋاي خەزىنىدىن ناھايىتى نۇرغۇن ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ھەممىسىنى خەلققە بۆلۈپ بېرىپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىرەر شەخس، تەشكىلات ياكى دۆلەت ئىختىيارىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملار؛ مەبلەغ؛ بايلىق:[مىسال:] توي-خۇدانىڭ خەزىنىسى (ماقال).  گۈزەلشاھ كۆپچىلىككە ئەگەر بۇ بەسلىشىشتە يۈسۈپ غالىب كەلسە، 40 قېچىرغا خەزىنە يۈكلەپ يۇرتىغا قايتۇراي، دەپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەدەنىي ۋە مەنىۋى بايلىقلار:[مىسال:] ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ئاڭ-تۇيغۇ خەزىنىسىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقالايدىغان قىلىمەن.

خەزىنىچى

  • خەزىنىچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەزىنىنى ساقلاش، باشقۇرۇش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخس:[مىسال:] خەلىپە ھارۇن رەشىد خەزىنىچىنى قىچقىرىپ، ۋەزىر جەپەرگە 10 مىڭ تىللا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. خەزىنىچى خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداپتۇ.

خەسⅠ

  • خەسⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قۇرۇق ئۆسۈملۈكلەر، قۇرۇق ئوت-چۆپلەر، قۇرۇپ قالغان شاخ-شۇمبىلار؛ چۆپ:[مىسال:] ئانا يۇرتۇڭ بېزىپ سەندىن ئارىغا ئالمىسا بىر كۈن، بولۇرسەن شۇندا بىر تال خەس، نە قالغاي سەندىكى قىممەت.[يەشمىسى:] ② ئىززىتى، قىممىتى يوق، ئەرزىمەس، خار نەرسە:[مىسال:] بولسا رەھمەتلىك تىرىك، بۇنداق ئازاب چەكمەس ئىدۇق، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا خەس بولۇپ ئۆتمەس ئىدۇق.

خەسⅡ

  • خەسⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ۋە يوپۇرمىقى كۆكتات قىلىنىدۇ.

خەسⅢ

  • خەسⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پەقەت بىرلا خىل نەرسىدىن تەركىب تاپقان، باشقا بىر تەركىب ئارىلاشمىغان؛ ساپ.

خەسⅣ

  • خەسⅣ[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ئەتەي، قەستەن.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇپسەنلىك.

خەسە

  • خەسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پاختا يىپىدىن سىلىق قىلىپ توقۇلغان بىر خىل ئاق رەخت:[مىسال:] ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئاپئاق خەسە كۆڭلىكى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

خەستە

  • خەستە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① بىرەر كېسەللىككە يولۇققان، سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس؛ كېسەل، كېسەلمەن:[مىسال:] نىگارىم خەستە جارىغا ۋىسالىڭدىن داۋا ئەيلە، تېنىمدە قالمىدى دەرمان، پىراقىڭدا بىمار بولدۇم.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد تارتقان، ئەلەم چەككەن، ئازابلانغان، قىينالغان، دەردلىك، قايغۇلۇق، غەمكىن:[مىسال:] سايرىغايمۇ زوق بىلەن بۇلبۇلغا گۈلزار بولمىسا، يايرىغايمۇ خەستە دىل ئاشىققا دىلدار بولمىسا.

خەستىلەنمەك

  • خەستىلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر كېسەللىككە يولۇقۇپ قالماق، سالامەتلىكى ناچارلاشماق، كېسەل بولماق:[مىسال:] ئۇ ئەنە شۇ سېسىقچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقتىن خەستىلەندى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد تارتماق، ئازابلانماق، قىينالماق:[مىسال:] راست ئۇكام، بوغۇلۇپ ئۆتتۇق قانچە يىل، ئىس-تۈتەك ئىچىدە خەستىلەندى دىل.

خەسىس

  • خەسىس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىركىمگە بىرەر نەرسە بېرىشنى، سەرپ قىلىشنى خالىمايدىغان؛ پىخسىق، بېخىل، پىششىق:[مىسال:] خەسىس ئادەم.

خەسىسلىك

  • خەسىسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پىخسىقلىق، بېخىللىق، پىششىقلىق:[مىسال:] ئۇنىڭ بىردىنلا خەسىسلىكتىن مەردلىككە ئىرغىغانلىقىنى كۆرگەن كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى.

خەشەك

  • خەشەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قۇرۇق ئوت-چۆپ. [يەشمىسى:] ② ياغاچنى چېپىش ۋە رەندىلەش جەريانىدا چىققان ياغاچ پارچىلىرى.

خەق

  • خەق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] ① خەلق، ئامما، كىشىلەر:[مىسال:] ئورۇسمۇ، ياپونمۇ ئوخشاشلا يات خەق، دېدى ھاجى چايان ئۇنىڭغا.[يەشمىسى:] ② ئادەملەر؛ باشقىلار، يات كىشىلەر:[مىسال:] قۇربان ئاقساقال:[مىسال:] خەق سېنى چاكار دېسە، ساڭا ھاقارەت، ماڭا ئۇۋال قىلغانلىق بولىدۇ، سەن ئوبدان ئويلا، دېدى.[يەشمىسى:] ③ ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەم جىنسىي ۋە كەسپىي ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىڭ كەينىدە كېلىپ، «كىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خوتۇن خەق. ئەر خەق. * بىز بولساق يېزىدىكى دېھقان خەق، دېدى ئۇ.

خەقىش

  • خەقىش[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[سۈپەت.[يەشمىسى:] تولا جېدەل قىلىدىغان، جېدەلخور، قارغىش (بالىلار ھەققىدە):[مىسال:] خەقىش بالا.

خەقىشلىك

  • خەقىشلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئورۇنسىز جېدەل، ماجىرا، غەلۋە:[مىسال:] تامىقىڭنى يېمەيمەن، ۋاي، لازىمۇ ساپسەن، دېدى لېتىپ يەنە خەقىشلىك قىلىپ.

خەلپە

  • خەلپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەقىدىلىرىنى ياخشى بىلىدىغان، ئۇقۇمۇشلۇق دىنىي زات:[مىسال:] لۇتپۇللا لەنگەردىكى چوڭ خانىقا ئالدىغا كەلگەندە، پېشقەدەم سەپداشلىرىدىن تۇردى خەلپە بىلەن ئۇچراشتى.

خەلپەت

  • خەلپەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① مەدرىسىدە ئوقۇيدىغان تالىپلار ئارىسىدىن، تالىپلارغا باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن، داموللىغا ياردەملىشىدىغان ئوقۇغۇچى؛ باشقۇرغۇچى تالىپ. [يەشمىسى:] ② دىنىي ئىلىمدە خېلى يۇقىرى ساۋاتقا ئىگە كىشى:[مىسال:] كۈندۈزى خەلپىتىمدىن، ئاخشىمى دادامدىن ساۋاق ئېلىش بىلەن بولدۇم.

خەلپىلىك

  • خەلپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەلپە ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە، خىزمەت:[مىسال:] خەلپىلىك قىلماق.

خەلدەڭ

  • خەلدەڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چىش كولىغۇچ.

خەلق

  • خەلق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر مەملىكەتنىڭ ئەمگەكچى ئاممىنى گەۋدە قىلغان ئاھالىسى:[مىسال:] جۇڭگو خەلقى. ياپونىيە خەلقى. خەلق تۇرمۇشى.[يەشمىسى:] ② مىللەت:[مىسال:] ئۇيغۇر خەلقى. رۇس خەلقى.[يەشمىسى:] ③ بىرەر جاينىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ، شۇ جاينىڭ «يەرلىك ئاھالىسى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] ئۈرۈمچى شەھەر خەلقى. يېزا خەلقى.[يەشمىسى:] ④ بىرەر كەسىپ، مەشغۇلات، ئىش قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن كېلىپ، شۇ كەسىپ، مەشغۇلات، ئىش قاتارلىقلارغا مەنسۇپ كىشىلەر گۇرۇھىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مېھنەتكەش خەلق. ئەمگەكچان خەلق.

خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى

  • خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] ئەمگەكچى خەلق بىۋاسىتە ئىجاد قىلغان، ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئەدەبىيات. ئۇ ئەپسانىلار، رىۋايەتلەر، خەلق چۆچەكلىرى، خەلق دراممىلىرى، ئەلنەغمىلەر، قوشاقلار ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خەلقئارا

  • خەلقئارا[قۇرۇلمىسى:]]خەلق+ئارا[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] دۇنيادىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەرگە، ھەرقايسى مەملىكەت خەلقلىرىگە ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت:[مىسال:] خەلقئارا ۋەزىيەت. خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى. خەلقئارا ئاياللار بايرىمى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ئارىسى:[مىسال:] مىڭئۆي شىنجاڭ تارىخى، بۇددا دىنى ۋە بىناكارلىق، نەققاشچىلىق سەنئىتىگە ئائىت تەتقىقات نۇقتىسى جەھەتتىن يالغۇز شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى ئېلىمىز ھەم خەلقئارادىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

خەلقئاراچە

  • خەلقئاراچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان، خەلقئاراغا كەڭ تارقالغان ۋە ئومۇملاشقان:[مىسال:] خەلقئاراچە چېلىش.

خەلقئارالاشتۇرماق

  • خەلقئارالاشتۇرماق[يەشمىسى:] «خەلقئارالاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] بازارلارنى خەلقئارالاشتۇرماق.

خەلقئارالاشتۇرۇلماق

  • خەلقئارالاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «خەلقئارالاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بازارلار خەلقئارالاشتۇرۇلدى.

خەلقئارالاشماق

  • خەلقئارالاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەلقئاراغا قاراپ يۈزلەنمەك، خەلقئارا سەھنىگە چىقماق، خەلقئارادا تونۇلماق:[مىسال:] كاپىتالنىڭ خەلقئارالىشىشى ئىلگىرى ئاساسەن ئوبوروت ساھەسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

خەلقئارالىق

  • خەلقئارالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① خەلقئارا سەۋىيىگە يەتكەن، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان:[مىسال:] خەلقئارالىق رېپىرى.[يەشمىسى:] ② خەلقئارادا كەڭ تارقالغان، خەلقئارادا ئومۇملاشقان، خەلقئارادا يۈرگۈزۈلىدىغان:[مىسال:] خەلقئارالىق نوتا. خەلقئارالىق قانۇن.

خەلقپەرۋەر

  • خەلقپەرۋەر[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] خەلققە كۆيۈنىدىغان، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان؛ ھەر دائىم خەلق تەرىپىدە تۇرىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان، خەلقچىل:[مىسال:] خەلقپەرۋەر ئادەم. خەلقپەرۋەر رەھبەر.

خەلقپەرۋەرلىك

  • خەلقپەرۋەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەلقنى سۆيۈش، خەلق مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە شۇنداق روھ:[مىسال:] رۇزبە شاھلىق تەختىگە ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ خەلقپەرۋەرلىك، ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپتۇ.

خەلقچىل

  • خەلقچىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەلق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان؛ خەلق روھى، مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا قارىشىغا ماس كېلىدىغان، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، خەلقپەرۋەر، دېموكراتىك:[مىسال:] ئۇلار بىزنى جۇڭگودىكى خەلقچىل ئىلغار كىشىلەر دەپ ئاتايتتى.

خەلقچىللىق

  • خەلقچىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەلقپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە يەنى خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا قارىتا ئەركىن پىكىر بېرىش ھوقۇقى:[مىسال:] ھەمراھنىڭ گۇرۇپپىسىدا بولسا ھەربىر ئىش خەلقچىللىق ئاساسىدا ھەممىنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ھەم پىلانلىق، بىر-بىرىگە ھەق قايتۇرۇشتا ئادىللىق بىلەن بولدى.

خەلقىئالەم

  • خەلقىئالەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خەلق+ى+ئالەم[[يەشمىسى:] بىرەر يۇرتنىڭ پۈتۈن خەلق ئاممىسى؛ بارلىق جامائەت، خەلق:[مىسال:] بۇ ئىشتىن بىز خەلقىئالەم ئىچىدە يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق.

خەلىپە

  • خەلىپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي-دىنىي داھىيلارنىڭ نامى، ئىمام. [يەشمىسى:] ② ئورۇن باسار.

خەلىپىلىك

  • خەلىپىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خەلىپە ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە، خىزمەت. [يەشمىسى:] ② خەلىپە ئالىي ھۆكۈمران بولىدىغان دۆلەت تۈزۈمى ۋە شۇ خىل تۈزۈمدىكى دۆلەت:[مىسال:] ئەرەب خەلىپىلىكى.

خەمەكⅠ

  • خەمەكⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] يېڭى چۈشكەن سويما:[مىسال:] بىر پېلەكتە مىڭ خەمەك (ماقال).

خەمەكⅡ

  • خەمەكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئارغامچا ئېشىشتە ئىشلىتىلىدىغان، ئېللىپس شەكىللىك، سىرتقى قىسمىغا تالا-تالا قىلىپ ئۈچ ياكى تۆت ئېرىقچىلار ئويۇلغان بىر خىل ياغاچ سايمان.

خەمەكسىز

  • خەمەكسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەمىكى يوق. خەمەك چۈشمىگەن:[مىسال:] پېلەككە ئالدىنىپ خەمەكسىز قاپتۇ (ماقال).

خەمەكلىمەك

  • خەمەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەمەك چۈشمەك:[مىسال:] جان كۈندە چېچەكلەمدۇ. قوغۇن كۈندە خەمەكلەمدۇ (ماقال).

خەمسە

  • خەمسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بەش مۇستەقىل داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەر.

خەمسىچىلىك

  • خەمسىچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] مەخسۇس خەمسە يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى:[مىسال:] خەمسىچىلىكتە، ھىندىستانلىق شائىر خىسراۋ دېھلەۋى، تاجىك شائىرى ئابدۇراخمان جامى ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك شائىرى ناۋايى ناھايىتى كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن.

خەنجەر

  • خەنجەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىككى بىسلىق، ئۇرۇش قورالى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر خىل چوڭ پىچاق.

خەنجەرسىمان

  • خەنجەرسىمان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] شەكلى خەنجەرگە ئوخشايدىغان، خەنجەر شەكىللىك:[مىسال:] بۇيرۇسا جانىم ۋەتەن دادىل يېرىپ كەلكۈن-قىيان، چىقىمەن مەغرۇر بېسىپ خەنجەرسىمان تىك تاغقا مەن.

خەنجەرلىك

  • خەنجەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① خەنجىرى بار، خەنجەر تۇتقان:[مىسال:] ئۇنىڭ سول قولى سادىقنىڭ كانىيىدا، خەنجەرلىك قولى سادىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئىدى.[يەشمىسى:] ② خەنجەر بېكىتىلگەن:[مىسال:] ئوردا تەرەپتىن يوغان ئاتلارغا مىنگەن خەنجەرلىك مىلتىقلارنى ئاسقان چېرىكلەر چىقىپ كەلدى.

خەنجەرلىمەك

  • خەنجەرلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەنجەر ئۇرماق، خەنجەر سانجىماق:[مىسال:] دۈشمەننى خەنجەرلەپ ئۆلتۈرمەك.

خەنجەرۋاز

  • خەنجەرۋاز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خەنجەر ئىشلىتىشكە، خەنجەر ئۇرۇشقا ماھىر كىشى.

خەنجەرۋازلىق

  • خەنجەرۋازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەنجەر ئىشلىتىش، خەنجەر ئۇرۇش ماھارىتى:[مىسال:] خەنجەرۋازلىق قىلماق.

خەندان

  • خەندان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] شوخ كۈلكە، قاتتىق كۈلكە:[مىسال:] مول ھوسۇلنىڭ شادلىقىدا نەغمە-ناخشا ئۆزگىچە، جۇش ئۇرۇپ ياڭرايدۇ دېھقان قەلبى خەنداندىن بۈگۈن.

خەندەك

  • خەندەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ①>ھەربىي ئىشلار<[يەشمىسى:] دۈشمەننىڭ ئۆتەلمەسلىكى ئۈچۈن قېزىلغان چوڭ ۋە ئۇزۇن چوڭقۇرلۇق:[مىسال:] سېپىل خەندىكى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ساقلاش قاتارلىقلار ئۈچۈن كولانغان ئۇزۇن چوڭقۇرلۇق:[مىسال:] ئۇلارخالىسانە ئەمگەك قىلىپ، 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا خەندەك كولاپ، تۇرۇبا كۆمۈپ، بالىلار يەسلىسىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى.

خەنزۇ

  • خەنزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ياكى شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. خەنزۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدە شۇنداقلا دۇنيادا نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت. ئۇلار ئىرىق جەھەتتە سېرىق تەنلىكلەرگە كىرىدۇ. تىلى خەنزۇ-زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسىغا كىرىدۇ.

خەنزۇچە

  • خەنزۇچە[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەنزۇلارغا، خەنزۇ خەلقىگە، خەنزۇ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، خەنزۇ خەلقىگە خاس بولغان:[مىسال:] خەنزۇچە چاپان.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەنزۇ تىلى ياكى يېزىقى:[مىسال:] خەلىم خەنزۇچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىپ، خەنزۇ تىلىنى ۋاسىتە قىلىپ:[مىسال:] خەنزۇچە سۆزلىمەك.

خەنزۇشۇناس

  • خەنزۇشۇناس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەنزۇلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىل-يېزىقى ۋە باشقا تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس.

خەنزۇشۇناسلىق

  • خەنزۇشۇناسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەنزۇلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىل-يېزىقى ۋە شۇ قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئىلمى.

خەۋەر

  • خەۋەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە ياكى ھادىسە، ئىش ۋە باشقىلار ھەققىدىكى مەلۇمات؛ دېرەك، ئۇچۇر، ئاخبارات:[مىسال:] خەۋەر بەرمەك. خەۋەر تاپماق. خەۋەر قىلماق. يېڭى خەۋەر. خۇش خەۋەر. شۇم خەۋەر. سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>تىل-يېزىق<[يەشمىسى:] جۇملىنىڭ ئىگە توغرىسىدىكى بايانى، يەنى جۈملە ئىگىسىنىڭ قانداقلىقىنى ياكى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگۈچى بۆلىكى:[مىسال:] جۈملە خەۋىرى.

خەۋەرچى

  • خەۋەرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەۋەر بەرگۈچى، ئۇچۇر قىلغۇچى كىشى.

خەۋەرچىلىك

  • خەۋەرچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەۋەر بېرىش، خەۋەر يەتكۈزۈش ئىشى، پائالىيىتى:[مىسال:] خەۋەرچىلىك قىلماق.

خەۋەردار

  • خەۋەردار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① خەۋىرى بار، ۋاقىپ:[مىسال:] ئەنۋەر باياتىن بېرى نادەم بىلەن ۋارىسجان ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان گەپلەردىن خەۋەردار ئىدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىش ياكى ھۈنەر-كەسپنى بىلىدىغان، ئۇنى قىلىش قولىدىن كېلىدىغان:[مىسال:] ئۇ رۇس، خەنزۇ، ئىنگلىز تىللىرىنى پۇختا بىلىدىكەن، ئەرەب، پارس، قەدىمكى ئۇيغۇر تىللىرىدىنمۇ ياخشى خەۋەردار ئىكەن.

خەۋەرسىز

  • خەۋەرسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەۋىرى يوق، خەۋەردار ئەمەس، بىخەۋەر، ئۇقمايدىغان:[مىسال:] ئادىل تېخى نۇرغۇن نەرسىلەردىن خەۋەرسىز ئىدى.

خەۋەرلەشمەك

  • خەۋەرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىر-بىرىگە خەۋەر يەتكۈزمەك، بىر-بىرىنى خەۋەردار قىلماق، ئۆزئارا ئۇقۇشماق:[مىسال:] مەكتەپنىڭ ئائىلىلەر بىلەن خەۋەرلىشىپ تۇرۇشى ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.

خەۋەرلەندۈرمەك

  • خەۋەرلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «خەۋەرلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن نىجاتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن سىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قۇيۇشنى مەجبۇرىيىتىم دەپ ھېس قىلغانىدىم.

خەۋەرلەندۈرۈلمەك

  • خەۋەرلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «خەۋەرلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

خەۋەرلەنمەك

  • خەۋەرلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خەۋەر تاپماق، خەۋەردار بولماق، ۋاقىپ بولماق، ۋاقىپلانماق:[مىسال:] ئۇ ۋەزىيەتتىن خەۋەرلەندى. * مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندى.

خەۋپ

  • خەۋپ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر كۆڭۈلسىزلىك، كۆڭۈلسىز ھادىسە ياكى پالاكەتلىك يۈز يېرىش ئېھتىماللىقى؛ خەتەر، قورقۇنچ، تەشۋىش:[مىسال:] خەۋپكە ئۇچرىماق. خەۋپكە دۇچ كەلمەك.

خەۋپ-خەتەر

  • خەۋپ-خەتەر[يەشمىسى:] خەۋپ ۋە خەتەر، بەختسىزلىك:[مىسال:] جەڭچىلەر خەۋپ-خەتەر كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، دۆلەت مۈلكىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

خەۋپ-خەتەرسىز

  • خەۋپ-خەتەرسىز[يەشمىسى:] خەۋپ-خەتىرى يوق، خەۋپ-خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولمىغان، خەۋپسىز:[مىسال:] «مانا ئەمدى بۇ يەردە خەۋپ-خەتەرسىز، ئەندىشىسىز، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇمكىن» دەپ ئويلىدى ئۇ.

خەۋپ-خەتەرلىك

  • خەۋپ-خەتەرلىك[يەشمىسى:] خەۋپ-خەتىرى بار، خەۋپ-خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان، خەتەرلىك:[مىسال:] ئۆتكىلى بولغايمۇ ھىجران تېغىدىن، خەۋپ-خەتەرلىك دەمدە يولداش بولمىسا.

خەۋپسىرىمەك

  • خەۋپسىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر كۆڭۈلسىز ھادىسە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىدىن تەشۋىشلەنمەك، چۆچۈمەك، قورقماق؛ خەۋپلەنمەك؛ خەۋپلىك ھېس قىلماق:[مىسال:] قادىر ئاكا ئۇلارنىڭ نېمىدىندۇر خەۋپسىرەپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

خەۋپسىز

  • خەۋپسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەۋپى يوق، خەۋپ-خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولمىغان، خەتەرسىز، تىنچ:[مىسال:] خەۋپسىز يەر.  گەر خەتەر بولسا ئۆيۈم يۆتكەپ كېتەي، بىر خەۋپسىز جايغا مەن دەرھال يېتەي. ∥ بۇ يەردە مەن قانداق خەۋپسىز تۇرسام، تاغلاردىمۇ شۇنداق تۇرىمەن.

خەۋپسىزلەندۈرمەك

  • خەۋپسىزلەندۈرمەك[يەشمىسى:] ① «خەۋپسىزلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى. [يەشمىسى:] ② تارقاق ھالەتتىكى مەبلەغنى مەركەزلەشتۈرۈپ تاسادىپىي ھادىسە ئاپەت، ئۆلۈم-يېتىمدىن چىققان زىياننى تولدۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرمەك، سۇغۇرتا قىلماق:[مىسال:] جۇڭگو خەلق ئىستراخۇانىيە شىركىتى بۇ سۇنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشتە، خەۋپسىزلەندۈرۈش كەسپىنى بېجىردى.

خەۋپسىزلەندۈرۈلمەك

  • خەۋپسىزلەندۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «خەۋپسىزلەندۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇرۇمچى شەھىرىنىڭ بارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى خەۋپسىزلەندۈرۈلدى.

خەۋپسىزلەنمەك

  • خەۋپسىزلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تىنچ ۋە خاتىرجەم ئەھۋال بارلىققا كەلمەك، خاتىرجەم بولماق؛ خەۋپتىن قۇتۇلماق:[مىسال:] مەن مېھرىبان ئاتا-ئانىغا ئىگە بولدۇم. كېچىلىرىم خەۋپسىزلەندى.

خەۋپسىزلىك

  • خەۋپسىزلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەۋپ يوق، بىخەتەر ھالەت:[مىسال:] خەۋپسىزلىكنى قوغدىماق.  ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى خەلق مەنپەئىتىگە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار مۇھىم بىر مەسىلىدۇر.

خەۋپلەنمەك

  • خەۋپلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر خەۋپنى ھېس قىلماق، خەۋپسىرىمەك، تەشۋىشلەنمەك:[مىسال:] چۆچۈگەن قىز خەۋپلىنىپ كەلكۈندىن، ئاتنى بۇراپ ياندى دەرھال كەينىگە. تۆۋەن تامان ئوقتەك ئۇچۇپ كەتتى ئات، قىز يورغىنى قويۇپ بەردى مەيلىگە.

خەۋپلىك

  • خەۋپلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خەۋپى بار، خەۋپ-خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان، خەۋپ تۇغۇلىدىغان، خەتەرلىك، قورقۇنچلۇق:[مىسال:] خەۋپلىك پەيت.  ئىنسان بولمىغان ئورماندا يالغۇز قېلىش خەۋپلىك ئىدى.

خەي

  • خەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] پاختا رەخت ۋە ھەر خىل توقۇلمىلاردىن تىكىلگەن ئاياغ كىيىمى.

خەيدەي

  • خەيدەي[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] قوڭۇر يۈسۈنلەرنىڭ بىر خىلى. دېڭىز ئاستىدىكى تاشلارنىڭ ئۈستىدە ئۆسىدۇ، شەكلى تاسمىغا ئوخشايدۇ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يود ماددىسى بولىدۇ. ئۇنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، قالقانسىمان بەز ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە يود ۋە كالىي ئېلىشقا بولىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ. ئادەتتە، سەي ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

خەير

  • خەير[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىركىمگە بېرىلىدىغان ياكى بېرىلگەن سەدىقە، ئېھسان:[مىسال:] خەير قىلماق. خەير بەرمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە. «ياخشى»، «مەيلى»، «خوپ، نېمە بولسا مەيلى» دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] خەير، دېگىنىڭىز بولسۇن. سىز ئارىغا چۈشۈپ قالدىڭىز، خەير، بوپتۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] خەيرلەشكەندە، «خوش»، «يەنە كۆرۈشەرمىز»، «خۇداغا ئامانەت» قاتارلىق مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] خەير، بىز كەتتۇق.  خەير، ياخشى چۈش كۆرسىلەر.

خەيرچى

  • خەيرچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خەير-ساخاۋەت تەلەپ قىلغۇچى، تىلەمچى، قەلەندەر:[مىسال:] خەيرچىلەر ئېچىلغانلىكى دۇكان ياكى ئىشىك ئالدىغا كەينى-كەينىدىن كېلىپ، نالە قىلىپ زارلىناتتى.

خەيرخاھ

  • خەيرخاھ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى خالايدىغان، مېھرىبان:[مىسال:] خەيرخاھ ئادەم.

خەيرخاھلىق

  • خەيرخاھلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، مېھرىبانلىق:[مىسال:] خەيرخاھلىق قىلماق. خەيرخاھلىق كۆرسەتمەك. * قىزنىڭ بايىقى خەيرخاھلىقىنى ئېلى پۇشايمان دەپ چۈشەندى.

خەير-ساخاۋەت

  • خەير-ساخاۋەت[يەشمىسى:] باشقىلارغا پۇل ياكى باشقا نەرسە بىلەن قىلىنغان خالىس ياردەم، سەدىقە:[مىسال:] خەير-ساخاۋەت بەرمەك.

خەير-سەدىقە

  • خەير-سەدىقە[يەشمىسى:] تىلەمچىلەرگە، ئاجىزلارغا ۋە يېتىم-يېسىرلارغا قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم، سەدىقە:[مىسال:] خەير-سەدىقە قىلماق.

خەيرلەشمەك

  • خەيرلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆزئارا ئىستەك-ئارزۇلار تىلىشىپ ئايرىلىشماق، خوشلاشماق؛ ۋىدالاشماق:[مىسال:] بىز ئۆزئارا ئامانلىق تىلىشىپ خەيرلەشتۇق.

خەيرلىك

  • خەيرلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى خۇسۇسىيەتكە ئىگە، خاسىيەتلىك، ئىجابىي، قۇتلۇق:[مىسال:] خەيرلىك كۈن. خەيرلىك يىل. خەيرلىك كېچە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياخشىلىق؛ ئىجابىيلىق، بەخت، تەلەي:[مىسال:] خەيرلىك تىلىمەك.

خەيرىندى

  • خەيرىندى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] باشقىلارنى خەيلى قىلىدىغان، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشنى ئويلايدىغان ئادەم.

خەيرىندىلىك

  • خەيرىندىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلىق:[مىسال:] خەيرىندىلىك قىلماق.

خەيرىيەت

  • خەيرىيەت[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ساۋابلىق ئىش، خەير-ساخاۋەت، خەير-ئېھسان، سەدىقە:[مىسال:] بۇ خىل خەيرىيەت ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ يۈرگەن يۈسۈپجان جەۋلانى ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] كۆپىنچە جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، «ھېلىمۇ ياخشى»، «خۇداغا شۈكۈر»، «ھەرنېمە بولسا» دېگەن مەنىلەردە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ:[مىسال:] خەيرىيەت، ئامان قالدىڭ، بۇ ئالەمدە تېخى يەيدىغان رىزقىڭ بار ئىكەن.

خەيلەمچى

  • خەيلەمچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] پايپاق ئاستىغا شىرىپ تىكىلىدىغان پېتەك شەكىللىك كۆپ قاتلىق رەخت.

خەيلى

  • خەيلى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] زىيانكەشلىك، قەست، بۇزغۇنچىلىق، ۋەيران:[مىسال:] خەيلى قىلماق. خەيلى بولماق.

خروم

  • خروم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى (Chromium)Cr. ئۇ بىر خىل كۈمۈشكە ئوخشاش كۈل رەڭ كرىستال ماددا بولۇپ، قاتتىق ۋە چۈرۈك كېلىدۇ. ئادەتتە داتلاشماس پولات ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك پولات ئىشلەشتە خام ئەشيا قىلىنىدۇ. سانائەتتە تۆمۈر، مانگان ۋە خروملار قارا مېتال ھېسابلىنىدۇ.

خروماتىن

  • خروماتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئوكسىگېن ئاجراتقان يادرو قەنت كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىلنىڭ بىرىكمە تەنچىسى. ئۇ يادرو ماددىسى بىلەن خروموسومىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق تەركىب ھېسابلىنىدۇ.

خروملۇق

  • خروملۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە خروم بولغان:[مىسال:] خروملۇق پولات.

خروموسوما

  • خروموسوما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھۈجەيرە يادروسىدا بولىدىغان ھەم بوياقلار بىلەن بويىلىدىغان يىپسىمان ياكى تاياقسىمان تەنچە. ھۈجەيرە بۆلۈنگەندە، ئۇنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.

خرومىت

  • خرومىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال، يەنى خروم بىلەن تۆمۈرنىڭ ئوكسىدى. (Cr2O3FeO) ئاساسلىق تەركىبى خروم بولۇپ، توق قوڭۇر كېلىدۇ. كۆپىنچە دانىچە، كاللەك ۋە پۇرچاق شەكىللىرىدە ئۇچرايدۇ، سانائەتتە مېتاللورگىيىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە بوياق ئىشلەشكە بولىدۇ.

خرۇستال

  • خرۇستال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] «بىللۇر»غا قاراڭ.

خرېستوماتىيە

  • خرېستوماتىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[ئارخا[كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تۈرلۈك بەدىئىي، تارىخىي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەر ياكى ئاشۇنداق ئەسەرلەردىن تاللاپ ئېلىنغان پارچىلاردىن تۈزۈلگەن ئوقۇش كىتابى، ئوقۇشلۇق.

خرىزوبېرىل

  • خرىزوبېرىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. خىمىيىلىك تەركىبى BeA l2O4. كۆپىنچە ئاز مىقداردا خروم ۋە تۆمۈر ئارىلىشىپ كېلىدۇ. ئۇ رومبىلىق كرىستال سىستېمىسىدا بولۇپ، سۇس يېشىل رەڭدە كېلىدۇ؛ ئەينەك پارقىراقلىقىغا ئىگە، چۈرۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ياقۇت ئىشلەشكە بولىدۇ.

خرىستوس

  • خرىستوس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىدىكى نىجاتكار، يەنى ئەيسانىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى.

خرىستىئان

  • خرىستىئان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① ئەيسانىڭ ھۆرمەت نامى، خرىستوس:[مىسال:] خرىستىئان دىنى.[يەشمىسى:] ② خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى؛ ناسارا.

خرىستىئانچە

  • خرىستىئانچە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىغا ئائىت، خرىستىئان دىنىغا خاس، خرىستىئان ئۇسلۇبىدا:[مىسال:] پۇرومى خرىستىئانچە دۇئا قىلىپ، بېشىنى لىڭشىتىپ چىقىپ كەتتى.

خرىستىئانلىق

  • خرىستىئانلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خرىستىئان مۇرىتلىرىدا بار بولغان، خرىستىئان مۇرىتلىرىغا خاس:[مىسال:] مەن ھوشۇمغا كەلگىنىمدىن كېيىن، بىر يەرلىك موماي خرىستىئانلىق رەھىم-شەپقىتىنى قىلىپ، مېنى كولبىسىگە ئېلىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خرىستىئان دىنىغا ئائىت ئىش-ھەرىكەتلەر، خرىستىئان دىنى:[مىسال:] روھانىي خرىستىئانلىقنى تەشۋىق-تەرغىب قىلىدۇ.

خلور

  • خلور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] گاز ئېلېمېنت. بەلگىسى .(Chlorum)Cl ئۇ سارغۇچ يېشىل، ھاۋادىن ئېغىر، زەھەرلىك ۋە كۈچلۈك قوزغاتقۇچى پۇراققا ئىگە؛ ئاسانلا ئۇيۇپ، سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئاقارتقۇچى پاراشوك، بوياق، دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە سۇلياۋ قاتارلىقلارنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.

خلورلۇق

  • خلورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] تەركىبىدە خلور بار، خلور ئارىلاش:[مىسال:] خلورلۇق ھاك.

خلوروفورم

  • خلوروفورم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى CHCI3. ئۇ بىر خىل رەڭسىز، ئۇچۇشچان سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئالاھىدە سېسىق پۇراققا ئىگە. ئادەتتە ئېرىتكۈچى قىلىنىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن بوياق ئىشلىنىدۇ. مېدىتسىنىدا ھوشسىزلاندۇرغۇچى دورا ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

خلوروفىل

  • خلوروفىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى يېشىل رەڭلىك ماددا، يەنى بىر خىل مۇرەككەپ ئورگانىك كىسلاتا. ئۆسۈملۈكلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، فوتوسىنتېز رولىنى ئۆتەش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىدۇ.

خلورومىتىسېتىن

  • خلورومىتىسېتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانتىبىئوتىكلارنىڭ بىرى. مولېكۇلا فورمۇلىسى C11H12O5N2CI2. ئۇ[يەشمىسى:] بىر خىل ئاق ياكى سېرىق رەڭدىكى كرىستال بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىق كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇ كېزىك، ئۆرە كېزىك ۋە كۆكيۆتەل قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

خلورىد

  • خلورىد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. ئاساسلىق تەركىبى ئاليۇمىن، تۆمۈر ۋە ماگنىينىڭ سۇلۇق سىلىكاتلىرى بولۇپ، يېشىل ۋە پارقىراق كېلىدۇ؛ ئادەتتە كرىستاللاشقان تارىشا جىنسلارغا كەڭ تارقالغان بولىدۇ.

خو

  • خو[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] ① ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب.[يەشمىسى:] ② مىق.[يەشمىسى:] بەش كۈرىگە تەڭ ئۆلچەم بىرلىكى:[مىسال:] بىر خو بۇغداي.

خوپ

  • خوپ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «بولىدۇ»، «ماقۇل» دېگەن مەنىدە، بىرەر ئىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خوپ دېسەڭ ئۇتىسەن، ھوپ دېسەڭ يۇتىسەن (ماقال).[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ناھايىتى، خېلى، ئوبدان، ئوبدانلا:[مىسال:] ئۇزۇن چۆل يوللىرىنى بېسىپ كېلىپ قىلغان بۇ ئۇرۇش ئۇنى خوپ چارچاتقانىدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى ياخشى، ئەلا:[مىسال:] قەدىرسىز ياشىغىنىڭدىن، قەدىرلىك ئۆلگىنىڭ خوپ (ماقال).[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مۇۋاپىق، لايىق، جايىدا، دەل:[مىسال:] بۇ پىكىر ئۇنىڭغا خوپ كەلگەنىدى.

خوپ بوپتۇ

  • خوپ بوپتۇ[يەشمىسى:] «ئەجەبمۇ ئوبدان بوپتۇ»، «تازا جايىدا بوپتۇ»، «ئۆزۈڭنىڭ شورى»قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] جوپ بولۇپتۇ، گەپ ئاڭلىمىغاندىن كېيىن ئۆزۈڭدىن كۆر.

خوپلاشتۇرماق

  • خوپلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «خوپلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خوپلاشتۇرۇشماق

  • خوپلاشتۇرۇشماق[يەشمىسى:] «خوپلاشماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خوپلاشتۇرۇلماق

  • خوپلاشتۇرۇلماق[يەشمىسى:] «خوپلاشتۇرماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

خوپلاشماق

  • خوپلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ياخشىلىشىپ، كېلىشىپ قالماق؛ خوپ بولۇشۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇلار ئىككىيلەن خوپلىشىپ قالدى.

خوپلۇق

  • خوپلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ياخشىلىق؛ راھەت، ھالاۋەت:[مىسال:] قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن تاشۋاي كېتىپ بېرىپ ئويلايتتى: «زادى بوۋاينىڭ گۇناھى نېمە ئۇ بۇ دۇنياغا كېلىپ نېمە خوپلۇق كۆردى نېمىگە ئېرىشتى»

خوت

  • خوت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] ئاپتوموبىل، تراكتور قاتارلىقلاردىكى سۆرەش كۈچىنى ئۆزگەرتكۈچى قۇرۇلما. ئادەتتە ئاپتوموبىل، تراكتورلارنى كەينىگە ياندۇرۇش ۋە مېڭىش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

خوتەك

  • خوتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تەخەي:[مىسال:] ئۇ كۈلگەندە، پومپىيىپ چىققان قورساقلىرى مۆڭكۈگەن خوتەكنىڭ ساغرىسىدەك سەكرەيتتى.

خوتەكلىمەك

  • خوتەكلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] تەخەيلىمەك.

خوتتىنىيە

  • خوتتىنىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] سائۇرۇس ئوتى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، قىزىتما ۋە ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە.

خوتۇن

  • خوتۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جىنسىي جەھەتتىن ئەرلەرنىڭ ئەكسى بولغان، تۇغۇش، ئېمىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئادەم؛ ئايال:[مىسال:] ئۇ خوتۇن توغرىسىدا مەن بەزى نەرسىلەرنى سورىدىم.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئەرنىڭ نىكاھىدىكى ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن (ماقال).[يەشمىسى:] ③ تۇرمۇشقا چىققان، توي قىلغان قىز، جۇۋان.

خوتۇنباز

  • خوتۇنباز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. سەلب.[يەشمىسى:] پات-پات خوتۇن ئېلىپ، خوتۇن قويۇپ بېرىدىغان؛ كۆپ خوتۇن ئالىدىغان:[مىسال:] خوتۇنباز ئادەم.  − پادىشاھىمىز خوتۇنباز كىشى، ئىراق پادىشاھىنىڭ بىر قىزى بارمىش، ئەگەر ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ مەيلى بولۇپ قالسا، ئەلچى ئەۋەتىدۇ، − دېدى ئۇ ھەمراھلىرىغا.

خوتۇنبازلىق

  • خوتۇنبازلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] پات-پات خوتۇن ئېلىپ، خوتۇن قويۇپ بېرىش ئادىتى، تولا خوتۇن ئالىدىغان مىجەز.

خوتۇن-بالا

  • خوتۇن-بالا[يەشمىسى:] خوتۇن ۋە بالا:[مىسال:] مېنىڭ خوتۇن-بالىلىرىم تېخى قايتىپ كەلمىگەنىدى.

خوتۇنپەرەس

  • خوتۇنپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خوتۇن دېسە جېنىنى بېرىدىغان، خوتۇنغا بېرىلىپ كەتكەن:[مىسال:] خوتۇنپەرەس ئادەم.

خوتۇنپەرەسلىك

  • خوتۇنپەرەسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوتۇنغا ئامراقلىق؛ جىنسىي تۇرمۇشقا بېرىلىپ كېتىش:[مىسال:] خوتۇنپەرەسلىك ئادەمنى ئىرادىسىزلاشتۇرىدۇ ۋە چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ.

خوتۇنسىز

  • خوتۇنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خوتۇنى يوق، ئۆيلەنمىگەن؛ بويتاق:[مىسال:] خوتۇنسىز ئەر.

خوتۇنسىزلىق

  • خوتۇنسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بويتاقلىق:[مىسال:] پادىشاھ ئۇ قىزغا قاراشقا خوتۇنسىزلىققا كۆنۈپ قالغان غۇلاملىرىدىن ئىككىنى بەلگىلەپتۇ.

خوتۇن-قىزلار

  • خوتۇن-قىزلار[يەشمىسى:] تۈرلۈك ياشلاردىكى ئاياللار، خوتۇنلار ۋە قىزلار.

خوتۇنلۇق

  • خوتۇنلۇق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خوتۇنى بار، ئۆيلەنگەن:[مىسال:] ئىككى خوتۇنلۇق ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەلۇم ئەرنىڭ نىكاھىدا بولۇش، خوتۇن قىلىنىش:[مىسال:] خوتۇنلۇققا ئالماق.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خوتۇن-قىزلارغا خاس، خوتۇنلاردا بولىدىغان:[مىسال:] بەزىدە رۇقىيەنىڭ خوتۇنلۇق غۇرۇرىغا ئاھانەت بولغۇدەك ئىشلارمۇ سادىر بولاتتى.

خوجا

  • خوجا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>تارىخ<[يەشمىسى:] شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا، مەلۇم بىر ئىمتىيازغا ئىگە بولغان ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى. [يەشمىسى:] ② «بەگ»، «باي» دېگەن مەنىدە ئۇلۇغلاپ، ھۆرمەتلەپ چاقىرىش فورمىسى. [يەشمىسى:] ③ بىركىمنىڭ ياكى نەرسىنىڭ ئىگىسى؛ خوجايىن:[مىسال:] خوجامنىڭ خوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى بار (ماقال).[يەشمىسى:] ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

خوجانىل

  • خوجانىل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خوجا+نىل[[يەشمىسى:] بوياقچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل نىل. ئۇنىڭ چوڭى ياڭاقتەك بولىدۇ.

خوجايىن

  • خوجايىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ياكى كىشىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى:[مىسال:] ئۆينىڭ خوجايىنى.  مەھەللىمىزدە يېرىنى تېرىيالمايدىغان بىرنەچچە دېھقانلار بىلەن ئورتاقلىق قىلىدىغان بىر خوجايىن بار ئىدى.

خوجايىنلارچە

  • خوجايىنلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خوجايىنلارغا ئوخشاش، خوجايىنلاردەك:[مىسال:] رۇستەم ئاكا ئۇنىڭغا قاراپ، خوجايىنلارچە كۈلۈمسىرەپ قويدى.

خوجايىنلىق

  • خوجايىنلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خوجايىنلاردا بولىدىغان، خوجايىنلارغا خاس:[مىسال:] خوجايىنلىق روھ. خوجايىنلىق قىلماق.

خوجىدار

  • خوجىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ئېگىدارلىق قىلغۇچى، خوجايىن.

خوجىدارلىق

  • خوجىدارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوجايىنلىق.

خوجىزادە

  • خوجىزادە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خوجايىننىڭ پەرزەندى، باي، بەگ بالىسى.

خوجىلىق

  • خوجىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر تەشكىل، كوللېكتىپ، ئىدارە، ئورگاننىڭ ئۆزئالدىغا باشقۇرىدىغان ئىگىلىك ئىشلىرى:[مىسال:] خوجىلىق باشقارمىسى.

خوخا

  • خوخا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، ئۈستىدە تىكىنى بولىدۇ؛ يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، قاننى راۋانلاشتۇرۇش ۋە توختىتىش رولىغا ئىگە.

خوخىلىق

  • خوخىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خوخا ئۆسكەن، خوخا كۆپ:[مىسال:] خوخىلىق ئېتىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوخا جىق چىققان يەر.

خوخەنزە

  • خوخەنزە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] جانلىق تىل.[يەشمىسى:] باتۇر ۋە قەيسەر ئەر، يىگىت؛ ئوغۇل بالىنىڭ ئوغۇل بالىسى:[مىسال:] يامۇلنىڭ ياغاچلارى، ئېگىز قارىغاي چەنزە، يامۇلنى تېشىپ چىققان، سادىر ئۆزى خوخەنزە.

خورⅠ

  • خورⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] كوللېكتىپ ئېيتىلىدىغان ناخشا:[مىسال:] ئەرلەر خورى. ئاياللار خورى. ئومۇمىي خور.

خورⅡ

  • خورⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوڭاي خورايدىغان، ئاسانلا تۈگەيدىغان، بەرىكىتى يوق، چىدىمايدىغان:[مىسال:] خور سوپۇن. خور ئۇن.

خورⅢ

  • خورⅢ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ھېچ كىشى نەزىرىگە ئىلمايدىغان، كەمسىتىلگەن، ئېتىبارسىز، خار:[مىسال:] ئىلىملىك نۇر، ئىلىمسىز خور (ماقال).

خورⅣ

  • خورⅣ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم خورەك تارتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] بوۋاي ئۇخلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «خور» قىلىپ خورەك تارتىشقا باشلىدى.

خوراتماق

  • خوراتماق[يەشمىسى:] «خورىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تۇرمۇشنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرى ئۇنىڭ بەستلىك ۋۇجۇدىنى خوراتماقتا ئىدى.

خوراز

  • خوراز[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] توخۇنىڭ ئەركىكى:[مىسال:] تۈلكىنىڭ سوئالىغا خورازنىڭ جاۋابى بار (ماقال).

خوراشچان

  • خوراشچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ناھايىتى ئاسان خورايدىغان، خوراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە:[مىسال:] خوراشچان بۇيۇم.

خوراشچانلىق

  • خوراشچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوراش خۇسۇسىيىتى، خورايدىغان خۇسۇسىيەت:[مىسال:] خوراشچانلىققا ئىگە بۇيۇملار.

خورەك

  • خورەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەم ئۇيقۇلۇق يېتىپ نەپەس ئالغاندا، خورۇلداپ چىقىدىغان تاۋۇش:[مىسال:] ئەپەندىم خورەك دەستىدىن زادىلا ئۇخلىيالماپتۇ-دە، يېنىدا ياتقان ئاغىنىسىنىڭ بېشىنى تاتىلاشقا باشلاپتۇ.

خورىكى چوڭ

  • خورىكى چوڭ[يەشمىسى:] تەكەببۇر، يوغانچى:[مىسال:] ئۇ چاغلاردا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خورىكى بەكمۇ چوڭ ئىدى.

خورىكى ئۆسمەك

  • خورىكى ئۆسمەك[يەشمىسى:] تەكەببۇرلاشماق:[مىسال:] ئۇنداق قىلغانسېرى تۆمۈرنىڭ خورىكى ئۆسۈپ كەتمەمدۇ دېدى شامەخسۇت ئاچچىق بىلەن ساقىلىنى سىقىملاپ.

خورىكى ئۈستۈن

  • خورىكى ئۈستۈن[يەشمىسى:] تەكەببۇر، ھاكاۋۇر:[مىسال:] خورىكى ئۈستۈن ئادەم.  ئۇنىڭ دىلى نازۇك، خورىكى ئۈستۈن ئىدى.

خورەكچى

  • خورەكچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۇخلىغاندا دائىم خورەك تارتىدىغان، خورەك تارتىشقا ئادەتلەنگەن ئادەم.

خورت

  • خورت[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئاساسەن چوشقا ۋە ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بۇرنىنى قاققاندا، بۇرۇن بوشلۇقىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.

خورتىلدىماق

  • خورتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خورت-خورت» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «خورت-خورت» قىلماق:[مىسال:] ئايتىللا بۇ دوق-پوپوزىلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاخىر خورتىلداپ يىغلاپ تاشلىدى.

خورخور

  • خورخور[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] «پىستەⅡ»گە قاراڭ.

خورداⅠ

  • خورداⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئاناتومىيە<[يەشمىسى:] ① ئادەم ۋە كۆپ ساندىكى ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمىلىك دەۋردىكى ئىچكى ئىسكىلىتى. كېيىنچە ئومۇرتقا سۆڭىكى ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدۇ. [يەشمىسى:] ② بەزى ھايۋانلارنىڭ (مەسىلەن، بېلىقنىڭ) ئاساسىي ئىسكىلىتى.

خورداⅡ

  • خورداⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] بىر تۈز سىزىق چەمبەر بىلەن ئىككى نۇقتىدا كېسىشكەندە، ئۇنىڭ چەمبەر ئىچىدىكى قىسمى خوردا دېيىلىدۇ.

خورداⅢ

  • خورداⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] شوۋىگۈرۈچ.

خورداⅣ

  • خورداⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە، قىلىققا ئادەتلىنىش، ئۆگىنىپ قېلىش:[مىسال:] خوردا بولماق. خوردا قىلماق.

خوردان

  • خوردان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] جىق يەيدىغان، ئىشتىھالىق، يېگەك:[مىسال:] باي تولا يېسە خوردان دەر، نامرات تولا يېسە ئوپقان دەر (ماقال).

خوردىلىقلار

  • خوردىلىقلار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] ھايۋانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تىپ، يېتىشكەنلىرىدە ياكى يۇمران تەننىڭ دۈمبە تەرىپىدە بىر تال يىپسىمان تۈزۈلمە بولۇپ، ئۇ خوردا دېيىلىدۇ. مۇشۇنداق تۈزۈلۈشتىكى ھايۋانلار خوردىلىق ھايۋانلار دېيىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارمۇ مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ.

خورسىندۇرماق

  • خورسىندۇرماق[يەشمىسى:] «خورسىنماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] باشقىلار ھەدەپ ئۆزىنى ماختاپ-ئۇچۇرۇپ بىزنى خېلىلا خورسىندۇرۇپ قويدى، دېدى قېيىقچى ئىنىسىغا.

خورسىنماق

  • خورسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىرەر غەم-ئەندىشە، تەشۋىش، مەغلۇبىيەت تۈپەيلى ئېغىر نەپەس چىقارماق، ئۇھ تارتماق، خورلۇق ھېس قىلماق:[مىسال:] روشەننىڭ ئاياغ تىۋىشى يىراقلاشقاندىن كېيىن، تالىپ ئېغىر خورسىنىپ قويدى.

خورسىنىشماق

  • خورسىنىشماق[يەشمىسى:] «خورسىنىماق»پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارمۇ قاتتىق خورسىنىشتى.

خورلاشماق

  • خورلاشماق[يەشمىسى:] «خورلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خورلانماق

  • خورلانماق[يەشمىسى:] «خورلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] خورلىنىپ ياشىغاندىن، ۋىجدان بىلەن ئۆلگەن تۈزۈك دېدى قەمەرنىسا تاپانچىسىنىڭ ئۇچىنى ئۇنىڭ پېشانىسىگە قارىتىپ تۇرۇپ.

خورلۇق

  • خورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كەمسىتىلگەن، خورلانغان ھالەت، خارلىق:[مىسال:] خورلۇق كۆرمەك. خورلۇق تارتماق.  ساقلىقتا خورلۇق يوق (ماقال).

خورلىماق

  • خورلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] بىراۋنىڭ ئىززەت-نەپسىنى ئاياغ ئاستى قىلماق، كەمسىتمەك، خارلىماق:[مىسال:] ئەپسۇس، ئۇ زالىملار ھازىر بىر پارچە نانغا زار بولۇۋاتقان ئەنە شۇ خەلقنى خورلىماقتا.

خورما

  • خورما[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① پالما ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىن چىقىدۇ. مېۋە گۆشى تاتلىق بولىدۇ. دەرەخ غولىنى چىلاش ئارقىلىق ئېلىنغان شىرنىسىدىن قەنت ۋە ھاراق ئىشلەشكە بولىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

خورمىلىق

  • خورمىلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خورما دەرىخى بار، خورما كۆپ ئۆستۈرۈلگەن:[مىسال:] خورمىلىق باغ.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خورما كۆپ ئۆستۈرۈلگەن، خورما دەرىخى بار يەر؛ خورمىزار.

خورۇلداتماق

  • خورۇلداتماق[يەشمىسى:] «خورۇلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مۇسۇلمانقۇل ھۆدەيچى ئەكەلگەن چىلىمگە چاپلاشتى-دە، خورۇلدىىپ سەيخانىنى يېرىۋەتكۈدەك قىلىپ تارتتى.

خورۇلداشماق

  • خورۇلداشماق[يەشمىسى:] «خورۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خورۇلدىماق

  • خورۇلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خور-خور» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «خور-خور» قىلماق:[مىسال:] نۇشىرۋان تەيجى ئۆزىنىڭ تىزىغا يۆلىنىپ، خورۇلداپ ياتقان مۈشۈكنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ قويدى.

خورىتىشماق

  • خورىتىشماق[يەشمىسى:] «خوراتماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خورىماس

  • خورىماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① ئوڭاي، ئاسان خوراپ كەتمەيدىغان، خورىمايدىغان، تۈگىمەس:[مىسال:] ئەقىل توزىماس، بىلىم خورىماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئۆزىنى ئۇپراتمايدىغان، ئۆزىنى ئاسراشنى بىلىدىغان، غەم يېمەس، بىغەم:[مىسال:] خورىماس ئادەم.

خورىماق

  • خورىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئازلىماق، كېمەيمەك؛ كىچىكلىمەك، ئۇپرىماق:[مىسال:] تۆكۈلسە دانلار، خورايدۇ نانلار، ئۇنامدۇ گاللار، شېرىن بۇ جانلار

خوزۇر

  • خوزۇر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] خوزۇر ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئۇرۇق مېيىنى سىلىقلىغۇچى ماي ئورنىدا ئىشلەتكىلى، مېۋە گۆشىنى دورىغا ئىشلەتكىلى، قوۋزاق ۋە يوپۇرماقلىرىدىن كاشتان يېلىمى ئالغىلى، مېۋىسى ۋە قوۋزىقىنى سېرىق بوياققا خام ئەشيا قىلغىلى، ياغىچىدىن ھەر خىل سايمان ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ياسىغىلى ھەمدە نەقىش ئويغىلى بولىدۇ.

خوسا

  • خوسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] توم تۇياق ئەركەك ھايۋانلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى.

خوستاگۈل

  • خوستاگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]لاتىنچە+پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ مەشھۇر مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، نەم ۋە سايە جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.

خوش

  • خوش[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] «خەير»، «يەنە كۆرۈشەرمىز»، «سالامەت بولۇڭ» دېگەن مەنىلەردىكى خەيرىلىشىش فورمىسى:[مىسال:] قاچقۇن بىرئاز بىتاقەت بولۇپ، خوش، ھازىرچە خوش، مەن ئالدىرايمەن، دېدى-دە، يولىغا راۋان بولدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] ئاساسەن جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ، «قېنى»، «قېنى ئەمىسە»، «ئۇنداقتا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خوش، قانداق ياخشى خەۋەرلەر بار قادىر دەپ سورىدى باشلىق ئۇنىڭدىن.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] قارشى تەرەپكە قارىتىپ ئېيتىلغاندا «مەرھەمەت»، «قېنى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خوش، مېھمانلار، ئاشقا باقايلى.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] قارشى تەرەپنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇش پوزىتسىيىسىنى يەنى «بولىدۇ»، «ھەئە»، «شۇنداق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] ئۇ: يىلىغا 360 يۈەن تاپشۇرىسەن، دېدى. ماقۇل، دېدىم. ئاشنى نەق پۇلغا ئالىسەن، دېدى، خوش، دېدىم.[يەشمىسى:] ⑤ [سۆز تۈركۈمى:] يۈكلىمە.[يەشمىسى:] سۆزلىگۈچىنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۆز سۆزلىرىنى خۇلاسىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىپ، «گەپنىڭ قىسقىسى»، «يىغىپ ئېيتقاندا» دېگەنگە ئوخشاش سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] خوش، شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى ئەتە ماڭىدىغان بولدۇق-دە.

خوشاڭ

  • خوشاڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>يېمەك-ئىچمەك<[يەشمىسى:] بىر خىل يېمەكلىك. ئىچىگە گۆش بىلەن پىيازدىن قىلىنغان قىيما ئېلىنىپ، مانتىغا ئوخشاش تۈگۈلىدۇ ۋە تاۋىدا قىزدۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ.

خوشاڭچى

  • خوشاڭچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خوشاڭ پىشۇرۇش ۋە ئۇنى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشپەز.

خوش-خوش

  • خوش-خوش[يەشمىسى:] «خوش» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] خوش-خوش دەيسىز، موك-موك يەيسىز (ماقال).

خوشلاشماق

  • خوشلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئايرىلىشماق، خەيرلەشمەك:[مىسال:] قاسىمئاكام بالا-چاقىلىرىنى ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ، بىز بىلەن خوشلاشتى.

خوشۇت

  • خوشۇت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① [كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] چىن خاندانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى. [يەشمىسى:] ② شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر ناھىيىنىڭ نامى.

خولۇپ

  • خولۇپ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① سۇيۇقئاش، چۆپ ۋە شۇنىڭدەك سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ئالدىراپ، تېز ئىچكەندە چىقىدىغان ئاۋاز. [يەشمىسى:] ② پۇتقا چوڭ رازمېرلىق ئاياغنىڭ توسالغۇسىز ئاسانلا كىيىلىش ھالىتى.

خولۇپپىدە

  • خولۇپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] «خولۇپ» قىلغان ئاۋاز چىقىرىپ، «خولۇپ قىلىپ»:[مىسال:] ئۇ كىچىككىنە چىنىدىكى بىر قوشۇق قالغان ئېشىنى خولۇپپىدە ئىچىۋەتتى.

خولۇپ-خولۇپ

  • خولۇپ-خولۇپ[يەشمىسى:] «خولۇپ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى.

خولۇپلاتماق

  • خولۇپلاتماق[يەشمىسى:] «خولۇپلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] تاماق يېگەندە، ئۈنلۈك چايناش، خولۇپلىتىپ ئىچىش، گالنى قېقىش قاتارلىق ئادەملەر ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم.

خولۇپلىماق

  • خولۇپلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خولۇپ» قىلىپ ئاۋاز چىقماق.

خولېرا

  • خولېرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئۇچەي يوللىرىدا بولىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇنى خولېرا تىرناقسىمان باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا، ئىچ سۈرۈش، قۇسۇش، چوڭ تەرەت خۇددى گۈرۈچ سۈيىگە ئوخشاش سۇيۇق كېلىش، پۇت-قول تارتىشىش ۋە مۇزلاش، شۈك بولۇپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

خولېستېرىن

  • خولېستېرىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئىسپرتلارنىڭ بىرى، يەنى ئاق رەڭلىك كرىستال ماددا. ئادەمنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىدا، نېرۋا توقۇلمىلىرى ۋە قان سۇيۇقلۇقىدا مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ.

خولىن

  • خولىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى رەڭسىز، قويۇق ھالەتتىكى سۇيۇقلۇق. كۈچلۈك ئاساسلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى مايلارنىڭ ئالمىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

خولىنجان

  • خولىنجان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. گۈلى ئاق كېلىدۇ، تۈگۈنەك يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.

خون

  • خون[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] مىقتار سۆز.[يەشمىسى:] ئۈستى-ئۈستىگە تىزىلغان، دەستە:[مىسال:] بىر خون نان. [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] گۇرۇپپا، گۇرۇھ:[مىسال:] قەشقەر شەھىرىدىكى 20 خون ئەلنەغمىنىڭ خۇشاللىقىمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتى.

خونچا

  • خونچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئۈستىگە نان قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قويىدىغان تاۋاق، پەتنۇس:[مىسال:] ئۇلار خونچىلاردا تاماق ئېلىپ كېلىشىپتۇ.[يەشمىسى:] ② بىر خىل كىچىك چىنە تەخسە.

خونچىلاتماق

  • خونچىلاتماق[يەشمىسى:] «خونچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خونچىلاشماق

  • خونچىلاشماق[يەشمىسى:] «خونچىلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خونچىلانماق

  • خونچىلانماق[يەشمىسى:] «خونچىلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بۇ چاغدا موماينىڭ بۇرنىغا قىز تەرەپتىن خونچىلىنىدىغان نازۇ نېمەتلەرنىڭ پۇرىقى كەلدى.

خونچىلىماق

  • خونچىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىر خون-بىر خون قىلماق؛ ئۈستى-ئۈستىگە تىزماق، دەستىلىمەك:[مىسال:] توختىئاخۇن بىلەن سەلىمىخان مېھمانلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، يېڭىلا پىشۇرغان نازۇ نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خونچىلاپ بولدى.[يەشمىسى:] ② تەخسىنىڭ ئۈستىگە پىيالىنى قويماق:[مىسال:] مېھمانغا خونچىلاپ چاي سۇنماق.

خوي

  • خوي[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① ئىنتايىن، ناھايىتى، بەك:[مىسال:] بۇ ئىشنى ئۇققان خەقلەر بۇ خوتۇنغا: بۈركۈتتىن سارمۇ تۇغۇلىدۇ. سەن پادىشاھنىڭ بالىسى زېرەك بولىدۇ دەپ قىزىڭنى بەرگەندىن كېيىن، خوي ئوبدان بوپتۇ، دەپتۇ.[يەشمىسى:] ② ياخشى، ئوبدان:[مىسال:] ئۇنداق قىلما دېسە ئۇنمىغاندىن كېيىن خوي بولدى، دېدى ئانىسى ئاچچىقلىنىپ.

خويمۇ

  • خويمۇ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] بەكمۇ، تولىمۇ:[مىسال:] ئۇنىڭ ئىللىق چىرايى ماڭا خويمۇ تونۇشتەك بىلىندى.

خۇاجەر

  • خۇاجەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[يەشمىسى:] خېمىرىغا ياغ سۈرتۈپ، تولغاپ، قاسقاندا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل ھورنان.

خۇپتەن

  • خۇپتەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① كۈن ئولتۇرۇپ تەخمىنەن بىر-ئىككى سائەت ئۆتكەن، يەنى ناماز شامدىن كېيىنكى ۋاقىت؛ قاراڭغۇ چۈشكەن چاغ:[مىسال:] شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا، بۇ كوچىغا بىر يىگىت كېلىپ توختىدى.[يەشمىسى:] ② شۇ ۋاقىتتا (خۇپتەندە) ئوقۇلىدىغان ناماز:[مىسال:] ئۇكام، سىز مېڭىپ تۇرۇڭ، مەن خۇپتەننى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن باراي، دەپ بالىنى يولغا سالدى نىيازقارىي.

خۇپسەن

  • خۇپسەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىلىپ تۇرۇپ ھېچنېمىنى ئۇقمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان، ھېچنېمىنى سەزمىگەندەك بولۇۋالىدىغان:[مىسال:] خۇپسەن ئادەم.  «يارىدار مەھبۇس» گاھىدا خۇپسەن بولۇۋالاتتى، گاھىدا قاتتىق ئىڭراپ، نالە قىلىپ ياتاتتى.

خۇپسەنلىك

  • خۇپسەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان، ئۇقمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش، خوپسەن ھالەت:[مىسال:] توختى، سەن تولا خۇپسەنلىك قىلما

خۇپىيانە

  • خۇپىيانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] باشقىلارغا بىلدۈرمەستىن، يوشۇرۇن ھالدا، يوشۇرۇنچە:[مىسال:] خۇپىيانە ئۇچراشماق. خۇپىيانە تەكشۈرمەك.

خۇتبە

  • خۇتبە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ① جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىدا، مەسچىت ئىمامى تەرىپىدىن پەرزنىڭ ئالدىدا، مەسچىت مۇنبىرىدە قىلىنىدىغان دىنىي پەندى-نەسىھەت ۋە دۇئا:[مىسال:] ئادەملەر خۇتبە مۇنبىرى دەپ ئاتالغان سۇپىدا سۆزلەۋاتقان سەللىلىك ئادەمگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ.[يەشمىسى:] ② نىكاھ ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا.

خۇد

  • خۇد[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەس-ھوش، تۇيغۇ، سېزىم:[مىسال:] خۇدىنى بىلمەك. خۇدىنى تاپماق. خۇدىنى يوقاتماق. * خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق (ماقال).

خۇدا

  • خۇدا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچىدە، پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان ۋە ئۇنى باشقۇرغۇچى ئىلاھىي كۈچ؛ تەڭرى؛ ئاللا:[مىسال:] خۇدا ساقلىسۇن.  مەن قىلارمەن ئوتتۇز، خۇدايىم قىلار توققۇز (ماقال).

خۇدا بۇيرۇسا

  • خۇدا بۇيرۇسا[يەشمىسى:] ئامان بولسام، پەيتى كەلگەندە:[مىسال:] خۇدا بۇيرۇسا، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن خېلى ئىشلارنى ئۆگىنىپ قالىدىغان ئوخشايمەن.

خۇدا ھەققى

  • خۇدا ھەققى[يەشمىسى:] ① «ماڭا ئىشىنىڭ»، «دېگىنىم راست»، «راستى مۇشۇ» دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ:[مىسال:] خۇدا ھەققى، شۇ يېشىمدا سىلەرگە يالغان ئېيتىپ نېمە قىلاي دېدى ئابلا قوغۇنچى ئۇلارغا يېلىنىپ.[يەشمىسى:] ② ئۆتۈنۈپ قالاي، ئىلتىماس قىلاي، يالۋۇرۇپ سوراي:[مىسال:] گۈزەلئاي قۇلىقىمغا لەۋلىرىنى يېقىپ دېگۈدەك:[مىسال:] خۇدا ھەققى تېزرەك كېتەيلى، مەن ئۇنىڭدىن قورقىمەن؛ مېنى كۆرسە، يەيدىغاندەك قارايدۇ، دېدى.

خۇداسىز

  • خۇداسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇدانى ئېتىراپ قىلمايدىغان، خۇداغا ئىشەنمەيدىغان، دىنسىز:[مىسال:] خۇداسىز ئادەم.

خۇداسىزلىق

  • خۇداسىزلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇدانى تونۇماسلىق، خۇداغا ئىشەنمەسلىك.

خۇداگۇي

  • خۇداگۇي[يەشمىسى:] [تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇدانى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، دائىم تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان:[مىسال:] خۇداگۇي ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئادەم:[مىسال:] پوپ ئاستا پەسكە چۈشۈشكە باشلىدى، ئەنە شۇ چاغدا خۇداگۇيلار ئۇنى قورشىۋالدى، ھەركىم ئۇنىڭ قولىنى سۆيۈشكە تىرىشاتتى.

خۇداگۇيلۇق

  • خۇداگۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] دائىم تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىش:[مىسال:] ھەرقانداق ئادەم دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا بېرىپ، خۇداسىزلىقنى تەشۋىق قىلماسلىقى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئىچىدە خۇداگۇيلۇق بىلەن خۇداسىزلىقنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىماسلىقى لازىم.

خۇدالىق

  • خۇدالىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇداسى بار؛ خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ئىشىنىدىغان:[مىسال:] خۇدالىق ئالەم. كۆپ خۇدالىق دىنلار.

خۇداۋەندە

  • خۇداۋەندە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىستېمالدا «ئەي خۇدا» دېگەن مەنىدە بولۇپ، خۇداغا قىلغان مۇراجىئەتنى بىلدۈرىدۇ.

خۇدايا

  • خۇدايا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] «ئەي خۇدا» دېگەن مەنىدە، خۇداغا مۇراجىئەتنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] خۇدايا، بۇ دوزاختىن ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇرغايسەن... ئامىن، دېدى ھېلىقى مەھبۇس.

خۇدايىتائالا

  • خۇدايىتائالا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە+ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان زات، خۇدا، ئاللا:[مىسال:] پادىشاھ ئۇلارغا دۇئا قىلىپ، رۇخسەت بېرىپتۇ ۋە خۇدايىتائالاغا تاپشۇرۇپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپتۇ.

خۇدايى

  • خۇدايى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان، خۇدا يولىدا بولغان:[مىسال:] خۇدايى مېھمان. خۇدايى قوناق.

خۇددى

  • خۇددى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ھېچبىر ئۆزگىچىلىكى يوق؛ قۇيۇپ قويغاندەك؛ بەئەينى، گويا، ئەينەن:[مىسال:] ئۇ بالا خۇددى دادىسىغا ئوخشايتتى.[يەشمىسى:] ② دەل:[مىسال:] خۇددى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ھېلىقى يىگىت بۇلبۇلگويا تۇرغان باغقا قاراپ مېڭىپتۇ، [يەشمىسى:] ③ جۈملىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۆلەكلىرىنىڭ ئالدىدا كېلىپ، «-دەك، -تەك»، «ئوخشاش» سۆزلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئوخشاشلىقنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] ئۇ خۇددى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەۋاتاتتى.

خۇدۈك

  • خۇدۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئەندىشىلىك، گۇمان، شۈبھە، شەك:[مىسال:] خۇدۈك ئالماق.  ئەزىزجان گەرچە ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بولمىسىمۇ بۇ ئايال بەرىبىر خۇدۈكتىن نېرى ئەمەس ئىدى.

خۇدۈكچان

  • خۇدۈكچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇدۈكلەنگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان، خۇدۈكسىنغان؛ ئاسانلا خۇدۈكسىنىدىغان:[مىسال:] خۇدۈكچان ئادەم. خۇدۈكچان بالا.

خۇدۈكچانلىق

  • خۇدۈكچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇدۈكچان ھالەت، كەيپىيات.

خۇدۈكسىرەتمەك

  • خۇدۈكسىرەتمەك[يەشمىسى:] «خۇدۈكسىرىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خۇدۈكسىرەشمەك

  • خۇدۈكسىرەشمەك[يەشمىسى:] «خۇدۈكسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خۇدۈكسىرىمەك

  • خۇدۈكسىرىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇدۈكلەنمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ ئەندىشىلىك قاراشلىرىدىن خۇدۈكسىرەپ تۇرغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

خۇدۈكسىنماق

  • خۇدۈكسىنماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇدۈكلەنمەك:[مىسال:] شاتۇر نېمە ئۈچۈندۇر، ئەتراپقا خۇدۈكسىنىپ قاراپ-قاراپ قوياتتى.

خۇدۈكلەندۈرمەك

  • خۇدۈكلەندۈرمەك[يەشمىسى:] «خۇدۈكلەنمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار نېمىشقىدۇر مېنى بىرنەرسىدىن خۇدۈكلەندۈرۈپ قويدى.

خۇدۈكلەنمەك

  • خۇدۈكلەنمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆڭلىدە ئەندىشىلىك، گۇمان ۋە شۇبھە تۇيغۇسى پەيدا بولماق، خۇدۈكسىرىمەك:[مىسال:] سەلىمە تىمتاسلىققا چۆمگەن چېدىردىن سەل خۇدۈكلىنىپ قالدى.

خۇدۈكلىنىشمەك

  • خۇدۈكلىنىشمەك[يەشمىسى:] «خۇدۈكلەنمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خۇراپات

  • خۇراپات[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئاساسسىز، ئىلمىيلىكى يوق، ساختا سۆز ۋە مۇشۇ ئاساستىكى ئېتىقاد، بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن خىلمۇخىل كونا ئۆرپ-ئادەتلەر:[مىسال:] مەدەنىيەت دەۋرىدۇر خۇراپاتقا ئىشەنمە، ئىلىم-بىلىم ۋاقتىدۇر نادانلىققا ئىشەنمە.

خۇراپاتچى

  • خۇراپاتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇراپاتلىققا، خۇراپىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە، خۇراپىي ئىش، ئىدىيە، كۆزقاراش قاتارلىقلارغا بېرىلگەن كىشى؛ خۇراپىيلىقنى تەرغىب قىلغۇچى ئادەم:[مىسال:] ئۇ خۇراپاتچى روھانىيلاردىن ئەمەس، ئۆز كەسپىگە ھەۋەس قىلغان ئادەتتىكى ئادەم ئىدى.

خۇراپاتلىق

  • خۇراپاتلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇراپات مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، خۇراپات داۋاملىشىۋاتقان ھالەت.

خۇراپىي

  • خۇراپىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇراپاتقا ئائىت، خۇراپاتقا ئاساسلانغان؛ خۇراپاتلىق ئىدىيىسى سىڭگەن، خۇراپاتقا ئىشىنىدىغان:[مىسال:] خۇراپىي ئادەم. خۇراپىي چۈشەنچە.

خۇراپىيلارچە

  • خۇراپىيلارچە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خۇراپىي ئۆرپ-ئادەت، ئەقىدە، چۈشەنچە ۋە كۆز قاراش قاتارلىقلارنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا:[مىسال:] خۇراپىيلارچە چوقۇنماق.

خۇراپىيلىق

  • خۇراپىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇراپاتقا ئىشىنىش، خۇراپىي ھالەت:[مىسال:] لېكىن، كىشىلەردىكى خۇراپىيلىق ئېغىر بولغاچقا، بالىلىرىنى بەرمىگەچكە، مەجبۇرىي ئوقۇغۇچى قوبۇللاپ يۈرۈشتى.

خۇرال

  • خۇرال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تاشقى موڭغۇلىيە خەلق جۈمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەتلىك ھاكىمىيەت ئورگىنى. ئۇ ئېلىمىزدىكى «خەلق قۇرۇلتىيى» بىلەن ئوخشايدۇ.

خۇرجۇن

  • خۇرجۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئىچىگە نەرسە-كېرەك قاچىلىنىدىغان، ئۇلاغقا ئارتىشقا باب قىلىپ يىپ ياكى يۇڭدىن توقۇلىدىغان ئىككى باشلىق قاپ:[مىسال:] ئەخمەقنىڭ ئەقلى خۇرجۇن (ماقال).

خۇرجۇنچىلاپ

  • خۇرجۇنچىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] خۇرجۇنغا ئوخشاش ئىككى بېشىنى ئىككى تەرەپكە ساڭگىلىتىپ، ئۇلاغقا خۇرجۇن ئارتقاندەك:[مىسال:] مۇزەپپەر سەردار داۋۇت پەنسادنىڭ جەسىتىنى خۇرجۇنچىلاپ ئاتقا ئارتتى.

خۇرجۇنلاپ

  • خۇرجۇنلاپ[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كۆپلەپ، ھەددى-ھېسابسىز، نۇرغۇن مىقداردا.

خۇرسەن

  • خۇرسەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① مەمنۇن، روھىي كەيپىياتى بەك ياخشى، خۇشال، شاد، خۇش:[مىسال:] مۇقامنى چۈشەنگەن، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن كىشىنى ئۇچراتقانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزمۇ ناھايىتى خۇرسەنمىز، دېدى ئۆمەر سازەندە.[يەشمىسى:] ② قانائەت ھاسىل قىلغان؛ رازى بولغان، مەمنۇن، مىننەتدار:[مىسال:] ئوغلۇم، ئۆتكەندە بۇيرۇغان خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنداپ كەلگەنلىكىڭدىن مەن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.

خۇرسەنچىلىك

  • خۇرسەنچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «خۇرسەنلىك»كە قاراڭ.

خۇرسەنلىك

  • خۇرسەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] رازىلىق، مەمنۇنلۇق، مىننەتدارلىق؛ خوشاللىق:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئىشقا ئىنتايىن خۇرسەنلىك بىلدۈردى.

خۇرۇج

  • خۇرۇج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] ① توساتتىن ھۇجۇم قىلىش؛ ھۇجۇم:[مىسال:] زۇلۇم، كۈلپەت باغرىغا خۇرۇج خەنجەر ئۇرغايسەن، ئامبال-دوتەي تەختىنى گۇمران قىلىپ چاققايسەن.[يەشمىسى:] ② غەزەپ، ئاچچىق، جۇدۇن:[مىسال:] رەئىسنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، شائىرنىڭ خۇرۇجى تۇتتى.

خۇرۇچ

  • خۇرۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنىڭ خام ئەشياسى، خام ماتېرىيال.

خۇرۇم

  • خۇرۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[يەشمىسى:] كالا، ئات، قوي، چوشقا قاتارلىق ھايۋانلار تېرىسىنىڭ تۈكىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بىر خىل يۇمشاق، پارقىراق كۆن. ئۇنىڭدىن ھەر خىل ئاياغ كىيىمى، چامادان قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىشلەشكە بولىدۇ:[مىسال:] خۇرۇم چاپان. خۇرۇم ئۆتۈك.

خۇرۇمچىلىق

  • خۇرۇمچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇرۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىشى، خۇرۇم سانائىتى.

خۇسۇس

  • خۇسۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كۆزدە تۇتۇلغان مەسىلە، ماۋزۇ (ئاساسەن ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن كېلىدۇ):[مىسال:] سىز بۇ خۇسۇستا كىم بىلەن سۆزلەشتىڭىز[يەشمىسى:] ② «-تىن» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، «سەۋەبتىن، ۋەجىدىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ:[مىسال:] مەن مۇشۇ خۇسۇستىن ۋاقتىدا كېلەلمىدىم.

خۇسۇسەن

  • خۇسۇسەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] باشقىلاردىن كۆرە، بولۇپمۇ:[مىسال:] ئۆسمۈرلەرگە، خۇسۇسەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم.

خۇسۇسىي

  • خۇسۇسىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر شەخسنىڭ يالغۇز ئۆزىگە قاراشلىق، تېگىشلىك بولغان؛ شەخسىي، شەخس ئىگىدارچىلىقىدىكى:[مىسال:] خۇسۇسىي مەكتەپ. خۇسۇسىي سودا. خۇسۇسىي مۈلۈك.

خۇسۇسىيەت

  • خۇسۇسىيەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ياكى بىركىمنىڭ ئۆزىگە خاس، باشقىلاردىن پەرقلىنىپپ تۇرىدىغان تەرىپى؛ ئۆزىگە خاس بەلگىسى، ماھىيىتى:[مىسال:] يەرلىك خۇسۇسىيەت. تىلنىڭ خۇسۇسىيىتى.  بۇ يەردە بايان قىلىنغان، ئىنساندا بولغان ئون خىل ئامىلنىڭ خۇلاسىسى ئىنساننىڭ سۆزلەش خۇسۇسىيىتىدۇر.

خۇسۇسىيەتلىك

  • خۇسۇسىيەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇسۇسىيىتى بار، خۇسۇسىيەتكە ئىگە:[مىسال:] خۇسۇسىيەتلىك بەلگە. ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىك ئادەم.

خۇسۇسىيلىق

  • خۇسۇسىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق، خۇسۇسىي ئىگىلىك:[مىسال:] بىز ھازىر خۇسۇسىيلىقنى يوقىتىۋاتىمىز.

خۇسۇمەت

  • خۇسۇمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋغا قارىتا بولغان ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك، غۇم:[مىسال:] ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بۇنىڭغا ئىچىدە خۇسۇمەت ساقلاپ يۈرەتتى.

خۇسۇمەتچى

  • خۇسۇمەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋغا قارىتا كۆڭلىدە ئاداۋەت، غۇم ساقلىغان ئادەم، ئاداۋەت تۇتقۇچى كىشى.

خۇسۇمەتچىلىك

  • خۇسۇمەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىراۋغا قارىتا ئاداۋەت ساقلاش، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك قىلىش، غۇم ساقلاش ئادىتى.

خۇش

  • خۇش[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇشال، شاد، خۇرسەن:[مىسال:] بۇ ئىشتىن ئۇنىڭ كۆڭلى خۇش ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ياخشى:[مىسال:] ھاي-ھاي ئېتىم بارىدا خۇش كۆرىمەن يار سەنەم، مەن يارىمنى سېغىنسام چۈش كۆرىسەن يار سەنەم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] رازى:[مىسال:] قايغۇرماڭ، بۇ ئىشتا سىز بىزدىن چوقۇم خۇش بولىسىز.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئىشتىياق، زوق، مايىللىق، خاھىش:[مىسال:] ئۇنىڭ ھاراققا خۇشى يوق.

خۇشال

  • خۇشال[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+ھال[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، بىرەر نەرسىدىن مەمنۇن، شاد، خۇرسەن:[مىسال:] خۇشال بولماق. خۇشال قىلماق.  رەيھان يېنىدا ئولتۇرغىنى ئۈچۈنمۇ، ۋارىسجان ناھايىتى خۇشال ئىدى.

خۇشال-خۇرام

  • خۇشال-خۇرام[يەشمىسى:] خۇشال ۋە خۇرام، كۆڭلى ناھايىتى خۇش، كۆڭۈللۈك، شاد، بەختىيار:[مىسال:] خۇشال-خۇرام تۇرمۇش.  مانا ئۇلار خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىۋاتاتتى.

خۇشال-خۇراملىق

  • خۇشال-خۇراملىق[يەشمىسى:] خۇشال-خۇرام ھالەت؛ خۇشاللىق، شادلىق:[مىسال:] ئۇلار بۇ ئۆيگە كىرىشىپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن تونۇشۇپتۇ. خۇشال-خۇراملىق بىلەن سۆزلىشىپتۇ.

خۇشاللاندۇرماق

  • خۇشاللاندۇرماق[يەشمىسى:] «خۇشاللانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىمنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى مېنى خۇشاللاندۇردى.

خۇشاللانماق

  • خۇشاللانماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇشاللىق ھېس قىلماق، خۇشال بولماق:[مىسال:] قاسىمجان ئاكا قەپەستىكى سېرىق قۇشقاچنى كۆرۈپ، بىردىن خۇشاللىنىپ كەتتى.

خۇشاللىق

  • خۇشاللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مەمنۇنلۇق، شادلىق، خۇشال ھالەت:[مىسال:] خۇشاللىقى قىن-قىنىغا پاتماسلىق. خۇشاللىققا چۆممەك.

خۇشاللىنارلىق

  • خۇشاللىنارلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغان، خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك؛ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان:[مىسال:] خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش.  ھەممىمىز يامان ئەمەس مال-چارۋىغا ئىگە بولدۇق. بۇ خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى.

خۇشامەت

  • خۇشامەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر كىشىگە تەمەگەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىش، غەيرىي مۇددىئا بىلەن ياخشى كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇش، ماختاش ۋە شۇ خىل ئۇسۇلدا قىلىنغان مۇئامىلە:[مىسال:] خۇشامەت قىلماق. زېرەك كىشى خۇشامەتنى دوست تۇتماس(ماقال).ئۇ مەخسۇتنىڭ خۇشامەت سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا، ئۇنىڭغا قارىماسلىققا تىرىشاتتى.

خۇشامەتچى

  • خۇشامەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارغا خۇشامەت قىلىدىغان، خۇشامەت قىلىشنى ئادەت قىلغان ئادەم:[مىسال:] خۇشامەتچىنىڭ چىشى بولمىسىمۇ، سۆڭەك غاجىلار (ماقال).  چەت بىنەمنىڭ تۈلكىسى كۆپ، خۇشامەتچىنىڭ كۈلكىسى (ماقال).

خۇشامەتچىلىك

  • خۇشامەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشامەت قىلىش ھەرىكىتى، ئىشى؛ خۇشامەتگۇيلۇق:[مىسال:] خۇشامەتچىلىك قىلماق.  قازىنىڭ خۇشامەتچىلىكى ئۇنىڭ مۇغەمبەرلىك بىلەن پىلدىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.

خۇشامەتگۇي

  • خۇشامەتگۇي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] خۇشامەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئادەت قىلغان؛ خۇشامەت قىلىشقا ئامراق:[مىسال:] خۇشامەتگۇي ئادەم.

خۇشامەتگۇيلۇق

  • خۇشامەتگۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشامەت قىلىشقا ئامراقلىق:[مىسال:] خۇشامەتگۇيلۇق قىلماق.  ئۇنىڭ خىيالىدىن كۆتۈرۈلگەن مەنسەپ، خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن قول باغلاپ تۇرغان كىشىلەر ئۆتكەندەك بولدى-دە، ئۆزىچە پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى.

خۇشامەتلىك

  • خۇشامەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇشامەت تۈسىنى ئالغان، خۇشامەتنى مەقسەت قىلغان:[مىسال:] ئۇنىڭ بۇ خۇشامەتلىك قىلىقلىرى مېنىڭ نەپرىتىمنى قوزغاشقا باشلىغانىدى.

خۇشبۇي

  • خۇشبۇي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+بۇي[[يەشمىسى:] يېقىملىق، ياخشى پۇرايدىغان، خۇش پۇرايدىغان:[مىسال:] ئۇ قۇتىنى ئاۋايلاپ ئېچىۋىدى، ئەڭلىكنىڭ خۇشبۇي ھىدى ئۆي ئىچىگە تارالدى.

خۇشبۇيلۇق

  • خۇشبۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشبۇي ھالەت، خۇش پۇراقلىق.

خۇشتارⅠ

  • خۇشتارⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ياكى ئىشقا خۇشى، ئىشتىياقى بار، ھەۋەس قىلىدىغان؛ زوقمەن، ئىشقىۋاز:[مىسال:] ئۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىپ بېرىشكە خۇشتار سۆھبەتداش بولۇپ چىقتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ناھايىتى قىزىققان، بېرىلگەن ئادەم؛ ھېرىسمەن كىشى؛ ھەۋەسكار:[مىسال:] ئىشچانلىقىڭ دېمىسەم، يارىم، ساڭا كۆيمەسمەن. ئۆزۈم ئەمگەك خۇشتارى، ھۇرۇنلارنى سۆيمەسمەن.[يەشمىسى:] ③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.

خۇشتارⅡ

  • خۇشتارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+تار[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئىجاد قىلىنغان، كامانچە بىلەن چالىدىغان بىر خىل چالغۇسى. خۇشتارنىڭ باش قىسمى تەمبۇرنىڭ بېشىغا بىرئاز ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەستىسى قىسقا بولۇپ، باش قىسمىنىڭ ئويۇلمىسى تەمبۇرنىڭكىدەك چوڭقۇر ئەمەس. يۈزلۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كامانچە ئىزناسىغا ئوخشايدىغان سىزىق بار. خۇشتاردا جەمئىي 11 تار بولۇپ، تۆتى مېلودىيىلىك تار؛ قالغان يەتتىسى رىزۇنانىس تارلاردۇر.

خۇشتارلىق

  • خۇشتارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] زوقمەنلىك، ئىشقىۋازلىق، خۇشتار بولۇش:[مىسال:] خاھى بىلىڭ، خاھى بىلمەڭ، خۇشتارمەن سىزگە. خۇشتارلىقتا ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇۋالىم سىزگە.

خۇشخۇي

  • خۇشخۇي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+خۇي[[يەشمىسى:] مىجەز-خۇلقى يېقىملىق، ئوچۇق-يورۇق، خۇش تەبىئەتلىك:[مىسال:] خۇشخۇي ئادەم.

خۇشخۇيلۇق

  • خۇشخۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشخۇي مىجەز، خۇشخۇي ھالەت:[مىسال:] سەتلىكىمنى بىلىندۈرمىگەن خۇشخۇيلۇقۇم (ماقال).

خۇشلۇق

  • خۇشلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇشال ھالەت خۇشاللىق:[مىسال:] ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى (ماقال).

خۇشلىماق

  • خۇشلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خالىماق، ياخشى كۆرمەك:[مىسال:] ئۇ بالا گۆشلۈك تاماقلارنى ئانچە خۇشلىمايتتى.

خۇشنۇد

  • خۇشنۇد[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] خۇرسەن، شاد، مەمنۇن:[مىسال:] سىز ئۈچۈن چەككەن جاپا ئاتا-ئانا، كۆڭلىنى خۇشنۇد قىلىپ ھۆرمەت قىلىڭ

خۇشۋاخ

  • خۇشۋاخ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+ۋاخ[[يەشمىسى:] ۋاقتى چاغ، خۇرسەن، شاد:[مىسال:] سالام، ئەپەندىم، خۇشۋاخ قوپتىلىمۇ دېدى ئۇ ساقال-بۇرۇتلىرىنى قىرىۋاتقان مۇتەللىپكە.

خۇشياقماس

  • خۇشياقماس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+ياقماس[[يەشمىسى:] ① ئىشقا خۇشى، مايىللىقى، قىزغىنلىقى يوق، ھۇرۇن:[مىسال:] خۇشياقماس ئادەم.  «ئىش خۇشياقماس جابدۇق بۇزار» دېگەندەك، گايىت ئىشلەتكەن ئۇلاغ، ھارۋا جابدۇقلىرىنى پەقەت ئاسرىمايتتى.[يەشمىسى:] ② قىزىقارلىق ئەمەس، يارىماس:[مىسال:] شۇ كۈندىن باشلاپ قەمەرنىساخاننىڭ دۇتارنى چېكىپ ئولتۇرۇپ ئېيتىدىغان شوخ ناخشىلىرى بىلەن قاش-كۆزلىرىنى سۈزۈپ ئەركىلەشلىرىمۇ ئۇنىڭغا خۇشياقماس بولۇپ قالدى.

خۇشياقماسلىق

  • خۇشياقماسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھۇرۇنلۇق، يارىماسلىق.

خۇشياقماق

  • خۇشياقماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+ياقماق[[يەشمىسى:] ① يېقىملىق تەسىر قىلماق، ھۇزۇر-ھالاۋەت بەرمەك، ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ھېس قىلماق:[مىسال:] قىچىشقان يەرنى تاتىلىسا خۇشياققاندەك، بۇ گەپمۇ زەيتۇنەمگە تازا يېقىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② ماقۇل كەلمەك، ماقۇل بولماق، كۆڭلىدىكىدەك بولماق، ئۇنىماق، خالىماق:[مىسال:] بۇنى ئاڭلىغان بالا چوكاننى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپتۇ، بۇ تەكلىپ چوكانغىمۇ خۇشيېقىپتۇ.

خۇلاسە

  • خۇلاسە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر مەسىلە، ئىش، نەرسە ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن پىكىر ياكى مۇلاھىزىنىڭ مەنتىقىي نەتىجىسى؛ يەكۈن:[مىسال:] خۇلاسە قىلماق. خۇلاسە چىقارماق.

خۇلاسىلەتمەك

  • خۇلاسىلەتمەك[يەشمىسى:] «خۇلاسىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خۇلاسىلەشمەك

  • خۇلاسىلەشمەك[يەشمىسى:] «خۇلاسىلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] يولداشلار بۇ بىر يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەشتى.

خۇلاسىلەنمەك

  • خۇلاسىلەنمەك[يەشمىسى:] «خۇلاسىلىمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئاخىرىدا گۇرۇپپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى خۇلاسىلەندى.

خۇلاسىلىمەك

  • خۇلاسىلىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خىزمەت، تەجرىبە ياكى پىكىرنىڭ مەنتىقىي نەتىجىسىنى يىغىنچاق قىلىپ ئىپادىلىمەك؛ خۇلاسىسىنى چىقارماق، يەكۈنلىمەك:[مىسال:] جاپپار خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ، ئاخىرىدا گېپىنى خۇلاسىلىدى.

خۇلاسىۋى

  • خۇلاسىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] خۇلاسە خاراكتېرلىك، خۇلاسىلانغان:[مىسال:] ئابدۇغېنى پۈتۈن سۆزىدە، ئۆزىنىڭ چوڭ خەتلىك گېزىتنىڭ روھىغا ئاساسەن چىقىرىلغان خۇلاسىۋى ھېسسىياتنى ھۆكۈم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇلق

  • خۇلق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشىنىڭ مۇئامىلىسى ۋە روھىي خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يىغىندىسى؛ مىجەز، خاراكتېر، پېئىل:[مىسال:] خۇلقى ياخشى ئايال.  چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر (ماقال).[يەشمىسى:] ② كىشىگە ئادەت بولۇپ قالغان، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئىش-ھەرىكەت؛ ئادەت، قىلىق:[مىسال:] رۇستەم ئادەتتە كەم سۆز ئىدى. ئايخان ئۇنىڭ بۇ خۇلقىنى، قەلبىگە ئالەم سىغىدىغان كەڭ پىكىرلىكىنى يارىتىپ قالغانىدى.

خۇلقسىز

  • خۇلقسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېقىملىق قىلىقلىرى يوق، قىلىقلىرى قوپال:[مىسال:] خۇلۇقسىز ئايال.

خۇلقلۇق

  • خۇلقلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇلقى بار؛ بىر خىل مىجەزگە ئىگە:[مىسال:] ئەگەر سۆيگىنىڭ بىلەن ئۇچراشساڭ، ئۇ يامان خۇلقلۇق بولسا، قەدرىڭنى بىلمىسە، تېخىمۇ خارلىق ئازابىنى چېكىسەن.

خۇلق-مىجەز

  • خۇلق-مىجەز[يەشمىسى:] خۇلق ۋە مىجەز:[مىسال:] ئۇ كىشىنىڭ خۇلق-مىجەزى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.

خۇلىگەدەن

  • خۇلىگەدەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ نەسىھەتىنى قوبۇل قىلمايدىغان؛ بوينى قاتتىق، ئۆزۈمچى، بەڭۋاش:[مىسال:] خۇلىگەدەن بالا.

خۇلىگەدەنلىك

  • خۇلىگەدەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماسلىق؛ بوينى قاتتىقلىق، بەڭۋاشلىق:[مىسال:] خۇلىگەدەنلىك ھەرىكەت.

خۇلىگەن

  • خۇلىگەن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] قائىدە-يوسۇن ئۇقمايدىغان، يامان ئىشلاردىن باش تارتمايدىغان ئادەم؛لۈكچەك:[مىسال:] ئاغزىڭنى يۇم نېمە بولساممۇ ساڭا ئوخشاش ئىپلاس ئەمەسمەن ياشلار ئىتتىپاقىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان خۇلىگەن دېدى ئوسمان ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ.

خۇلىگەنلىك

  • خۇلىگەنلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] لۈكچەكلىك:[مىسال:] خۇلىگەنلىك قىلماق.

خۇم

  • خۇم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] سۇيۇقلۇق، دان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ساقلىنىدىغان، ساپالدىن ياسىلىدىغان، ئاغزى كىچىكرەك بىر خىل ئىدىش:[مىسال:] ئۇ كىشى ئېتىغا ئىككى خۇم مۇسەللەس ئارتىپ كەلدى.

خۇمار

  • خۇمار[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەتلىنىش تۈپەيلى بىرەر نەرسىگە قارىتا كۆڭلىدە ھاسىل بولغان كۈچلۈك بىر خىل تەشنالىق؛ زور ئىستەك:[مىسال:] خۇمارى تۇتماق. خۇمارى يېشىلمەك.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:]سۈپەت.[يەشمىسى:] بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشكە ئىشتىياق باغلىغان؛ ياخشى كۆرىدىغان، ھەۋەس قىلىدىغان:[مىسال:] گۈل خۇمار ئادەم. ناخشا خۇمار. گەپ خۇمار. ئادەم. خۇمار.

خۇمارلاشتۇرماق

  • خۇمارلاشتۇرماق[يەشمىسى:] «خۇمارلاشماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئايزۆھرە كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ، يەر تېگىدىن قاراپ تەبەسسۇم قىلدى.

خۇمارلاشماق

  • خۇمارلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] كۆزلىرى سەل قىسىلىپ، خۇش كەيپ بولغان چاغدىكىدەك يېقىملىق ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ مەڭزىلىرى ئاناردەك قىزىرىپ، كۆزلىرى خۇمارلاشتى.

خۇمارلىق

  • خۇمارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇمار بولغان ھالەت:[مىسال:] ئاچلىقتىن خۇمارلىق يامان (ماقال).[يەشمىسى:] ② سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇمارلاشقان:[مىسال:] ئايدىڭ كېچە، شولىلار بىردە قىزنىڭ ئۇيقۇسىز، خۇمارلىق كۆزلىرىنى، بىردە قىزىل ئىچ كۆڭلىكىنى، ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈپ چىققان كۆكسىنى يورىتىدۇ.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] كىشىنىڭ خۇمارىنى قوزغايدىغان، كىشىنى خۇمار قىلىدىغان:[مىسال:] سەھەردە ئويغىتىپ دىلنى، خۇمارلىق سايرىدىڭ كاككۇك، باھارنى سەن زىمىستاندىن كۈيۈڭدە ئايرىدىڭ كاككۇك.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خۇمارنى بېسىش رولىنى ئوينايدىغان:[مىسال:] رومالىڭنىڭ ئۇچىدىن كېسىۋالاي تۇمارلىق. يارىم ماڭدى سەپەرگە، سۆيۈۋالاي خۇمارلىق.

خۇمخانا

  • خۇمخانا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] مەي قاچىلاپ قويۇلغان خۇم، ئىدىشلار توختىلغان مەخسۇس ئۆي؛ مەيخانا:[مىسال:] بۇ ئىشىق خۇمخانىسىدىن بەھرە ئالسۇن، خۇمارىنى كېسىپ بۇ مەيگە قانسۇن.

خۇمدان

  • خۇمدان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] كۇلالچىلىقتا، لايدىن ياسالغان ئىدىشلار ياكى خىش قاتارلىقلارنى تاۋلاپ پىشۇرىدىغان مەخسۇس ئوچاق:[مىسال:] خش خۇمدىنى.

خۇمدان دەزى

  • خۇمدان دەزى[يەشمىسى:] ئاجىز يېرى، قورقىدىغان جايى:[مىسال:] بايا قىلغان سۆزلىرىم ئازراق بولسىمۇ قۇلىقىڭغا كىرمىدىمۇ ھىم، سۆزلە توخو يۈرەك، خۇمدان دەزىڭ بولمىسا نىمىدىن قورقاتتىڭ دېدى جۇيجاڭ ھېكىمنى سەتلەپ.

خۇمدانچى

  • خۇمدانچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇمدان باشقۇرۇش، خۇمداندا خىش ۋە كۇلالچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىشۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئىشچى:[مىسال:] ئەتىگىنى سائەت سەككىز بىلەن، خۇمدانچىلار خۇمدان بېشىغا يېتىپ كەلدى.

خۇمدانچىلىق

  • خۇمدانچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇمدان باشقۇرۇش، خۇمداندا خىش پىشۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] بىزنىڭ يېزىمىزدا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، گىلەمچىلىك، خۇمدانچىلىق، بېلىقچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق قاتارلىق 15 خىل كەسىپ يولغا قويۇلدى.

خۇمرا

  • خۇمرا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئاغزى كىچىك، قورساق قىسمى يوغان بولىدىغان ساپال قاچا، كوزا:[مىسال:] بىر خۇمرا قېتىق.  «نازۇ نېمەت جىق تولسۇن، خۇمرىغا مەي لىق تولسۇن».

خۇمسى

  • خۇمسى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] «نامەرد، ئەبلەخ، يارىماس» مەنىسىدىكى تىل-ھاقارەت سۆزى:[مىسال:] ئۇنداق خۇمسىلارنى نېمە قىلاتتۇق.

خۇمسىلىق

  • خۇمسىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نامەردلىك، ئەبلەخلىق، يارىماسلىق:[مىسال:] ئالدىڭدىكى ئاتلىق پور بايۋەچچىدۇر، خۇمسىلىقتا ئۆتۈپ كەتكەن بىر بەچچىدۇر.

خۇن

  • خۇن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قان:[مىسال:] زار-زار يىغلاپتۇ موماي شۇ يوسۇن، كۆزىدىن ئاققۇزۇپ ياش ئورنىغا خۇن.[يەشمىسى:] ② جان:[مىسال:] ئۇنى يوقنىڭ خۇنى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نۇر:[مىسال:] ئۇ تولا يىغلاپ، كۆزىنىڭ خۇنى قالمىدى.[يەشمىسى:] ④ قان قەرز:[مىسال:] بۇ مېنىڭ ئاتامنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مەن بۇنىڭدىن ئاتامنىڭ خۇنىنى تۆلىتىمەن، قانغا-قان، جانغا-جان ئالىمەن، دېدى ئۇ.

خۇنپەر

  • خۇنپەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قان تۆككۈچى، قانخور؛ جاللات:[مىسال:] ئۇ جىددىي سۆز باشلىدى: ھىيلىگەر، خۇنپەر زامانقۇلنى ئۆز قولۇم بىلەن جايلاشقا، بۈگۈن مۇشۇ زاۋال ئاخشامدا، سىلەرگە چىن قەلبىمدىن قەسەمياد قىلىمەن.[يەشمىسى:] ② [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تىل ھاقارەت.[يەشمىسى:] ئەبلەخ، دۆيۈز:[مىسال:] ئەھۋالى ئېغىرراق، ساقىيىپ قالۇر، يامانمۇ ئۇرۇۋەتتى خۇنپەر دەپ بالىنى قۇچاقلاپ تۇرغان ئادەم ماڭا قارىدى.

خۇنپەرلىك

  • خۇنپەرلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قان تۆكۈش ئىشى، قان تۆكۈش ھەرىكىتى؛ قانخورلۇق، جاللاتلىق.

خۇنپەرەس

  • خۇنپەرەس[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قان تۆككۈچى، قان ئىچەر؛ قانخور:[مىسال:] سۆكۈشتى كۆڭلى تار، نامەرد زاماننى، نە نامەرد، خۇنپەرەس بەتبەخت زاماننى.

خۇنخور

  • خۇنخور[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قان ئىچەر، قانخور، قاتىل:[مىسال:] شۇ تاپتا، ئۇلارنىڭ ھەمىسى گوداڭ ئالدىدا ئادەم كاللىسىنى كېسىشكە خۇمار قىلىپ تۇرغان خۇنخور جاللاتلارغا ئوخشايتتى.

خۇنخورلۇق

  • خۇنخورلۇق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قانخورلۇق، قاتىللىق:[مىسال:] خۇنخورلۇق قىلماق.

خۇنخۇمار

  • خۇنخۇمار[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قان تۆكۈشكە ئادەتلەنگەن؛ قانخۇمار، ۋەھشىي، ياۋۇز:[مىسال:] خۇنخۇمار ئەبلەخلەر ئاخىرى جاجىسىنى يېدى.

خۇنسا

  • خۇنسا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] تۆرەلمە ۋاقتىدىن تارتىپ غەيرىي تەبىئىي يېتىلگەن، ھەم ئەرلىك، ھەم ئاياللىق جىنسىي بەلگىلىرى بولغان ئادەم.

خۇنسىراتماق

  • خۇنسىراتماق[يەشمىسى:] «خۇنسىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خۇنسىرىماق

  • خۇنسىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] قانسىرىماق.

خۇنسىز

  • خۇنسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىرايىدا قان قالمىغان، چىرايى تاتارغان، ئۆڭى ئۆچكەن:[مىسال:] ئۇنىڭ خۇنۈك كۆزلىرى، خۇنسىز ياغاق يۈزىگە تولىمۇ ماس كېلەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] نۇرسىز، خۇنۈك:[مىسال:] ئۇنىڭ يېرىم يۇمۇلغان خۇنسىز كۆزلىرى ھاياتنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالغان جان كۆيەرگە قاراپ مۆلدۈرلەيتتى.

خۇنۈك

  • خۇنۈك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئوچۇق ئەمەس، سۈزۈك ئەمەس، غۇۋا خىرە:[مىسال:] بۇ پاجىئە قوزغىلاڭ تارىخىنىڭ بىر خۇنۈك سەھىپىسى بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ② كۆرۈنۈشى، سىرتقى قىياپىتى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلمايدىغان، كۆرۈمسىز، سۆرۈن، يېقىمسىز، سەت:[مىسال:] خۇنۈك ھالەت. خۇنۈك قىياپەت. * كىشىلەر بۇزۇقلارنىڭ خۇنۈك ئەپتىگە نەپرەتلىك بېقىشلىرى بىلەن نەزەر سالماقتا.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قۇلاققا ياقمايدىغان، يېقىمسىز ئاڭلىنىدىغان:[مىسال:] بېشى ياغاق، چېچى پاخماق، جىنۇ ئالۋاستى بولۇپ ئامراق، گاچا ھاڭراپ، توكۇر قايناپ، خۇنۈك بەزمە قىزىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ④ نۇرسىز:[مىسال:] ئۇ كېسەل ئازابىدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن خۇنۈك كۆزلىرىنى لۆممىدە ئاچتى-دە: قىزىم، قىزىم، دەپ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ توۋلىدى.

خۇنۈكلەشتۈرمەك

  • خۇنۈكلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «خۇنۈكلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] قانداقتۇر بىر سېھرىي كۈچ بىلەن نەزەر دائىرىسىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن تۈتەك پەردە ئۇنىڭ كۆز ئۆڭىدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى.

خۇنۈكلەشتۈرۈشمەك

  • خۇنۈكلەشتۈرۈشمەك[يەشمىسى:] «خۇنۈكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خۇنۈكلەشتۈرۈلمەك

  • خۇنۈكلەشتۈرۈلمەك[يەشمىسى:] «خۇنۈكلەشتۈرمەك» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.

خۇنۈكلەشمەك

  • خۇنۈكلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇنۈك ھالەتكە كەلمەك، خۇنۈك بولۇپ قالماق:[مىسال:] ئۇنىڭ چىرايى كۈندىن-كۈنگە خۇنۈكلىشىپ كەتتى.

خۇنۈكلۈك

  • خۇنۈكلۈك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خۇنۈك ھالەت، خۇنۈك ئەھۋال:[مىسال:] ئۇنىڭ چىرايىدىكى نۇر ئۆچكەن بولۇپ، ئۇپا-ئەڭلىكلەرمۇ ئۇنىڭدىكى خۇنۈكلۈكنى بېسىپ كېتەلمىگەنىدى.

خۇۋەينى

  • خۇۋەينى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئۆرۈكنىڭ بىر تۈرى. مېۋىسى يۇمىلاق، بەزى سورتلىرىنىڭ تۇخۇمسىمان، پوستى قېلىن رەڭگى يېشىلسىمان سارغۇچ، ئاپتاپ تەگكەن تەرىپى قىزىرىدۇ؛ گۆشى ئۇرۇقچىسىدىن ئاجرايدۇ، تەمى تاتلىق، سۈيى كەمرەك، شىرنىلىك، خۇشبۇي بولىدۇ.

خۇيⅠ

  • خۇيⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىدە بولىدىغان مىجەز-خۇلق، ئادەت:[مىسال:] قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەسكى مىجەز؛ يامان قىلىق:[مىسال:] «ياۋاشنىڭ مۈڭگىزى ئىچىدە» دېگەندەك، بۇ خېنىمغىمۇ خۇي پەيدا بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ قىلىق؛ ئادەت (ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر (ماقال).  خۇيىنى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما (ماقال).

خۇيⅡ

  • خۇيⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىناكارلىق<[يەشمىسى:] ئاۋاز توسۇش، ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە زىننەت بېرىش مەقسەتلىرى ئۈچۈن، ئۆي تورۇسىنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلىدىغان قەۋەت. ئادەتتە ياغاچتىن جاھازىسى قۇرۇلۇپ، ئۈستىگە قەغەز، سۇلياۋ، رەخت ۋە پەنەركە قاتارلىقلارنى چاپلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.

خۇيⅢ

  • خۇيⅢ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ئالمىنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بىر خىل سورتى. مېۋىسى كونۇسسىمان، پوستى نېپىز، شەپەق رەڭدە، جۇلالىق؛ گۆشى ئاقۇچ، تەملىك، سۇلۇق، خۇشبۇي ۋە چىداملىق بولىدۇ.

خۇيⅣ

  • خۇيⅣ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] تونۇرغا يېقىلىدىغان ناننى دۈملەش ئۈچۈن، تونۇرنىڭ ئاغزىغا ياپىدىغان تاغار ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەر.

خۇي-پەيل

  • خۇي-پەيل[يەشمىسى:] خۇي ۋە پەيل، مىجەز-خۇلق:[مىسال:] گۈلسۈمخاننىڭ خۇي-پەيلى خەلچەمگە بەش قولدەك ئايان ئىدى.

خۇيچىلىق

  • خۇيچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ تورۇسىنى ھەر خىل قەغەز، پەنەركە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن خۇيلاش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] قەدىمكى ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىشتىكى ئىش تۈرلىرى تامچىلىق، ياغاچچىلىق، جاھازچىلىق، تاشچىلىق، لايچىلىق، سىرچىلىق، نەققاشچىلىق، خۇيچىلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خۇيزۇ

  • خۇيزۇ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]خەنزۇچە[[كەسىپ تۈرى:]>ئىرىقشۇناسلىق<[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن نىڭشيا، گەنسۇ، خېنەن، چىڭخەي، شەندۇڭ، يۈننەن، ئەنخۇي ۋە شىنجاڭ قاتارلىق كەڭ رايونلارغا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

خۇيلاتماق

  • خۇيلاتماق[يەشمىسى:] «خۇيلىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خۇيلاشماق

  • خۇيلاشماق[يەشمىسى:] «خۇيلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار ئۆي خۇيلاشتى.  قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى يىغىن زالىنىڭ تورۇسىنى خۇيلاشتى.

خۇيلامچى

  • خۇيلامچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي خۇيلايدىغان كىشى، خۇيلاش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى.

خۇيلامچىلىق

  • خۇيلامچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئۆي خۇيلاش، بېزەش ئىشى، ئۆي خۇيلاش، بېزەش كەسپى:[مىسال:] خۇيلامچىلىق قىلماق.

خۇيلانماقⅠ

  • خۇيلانماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] خۇي چىقارماق، خۇيى تۇتماق:[مىسال:] لېتىپ خۇيلىنىپ، بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇۋالدى.

خۇيلانماقⅡ

  • خۇيلانماقⅡ[يەشمىسى:] «خۇيلىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] ئۆينىڭ تورۇسى خېلى ياخشى خۇيلاندى.

خۇيلۇق

  • خۇيلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [يەشمىسى:] ① خۇيى بار:[مىسال:] ئەي، پادىشاھىئالەم بۇ ئوغۇلنى كىچىكىدىن پەرۋىش قىلغانىدىم. ئۇ پەرىشتىدەك خۇيلۇق بالا ئىدى، دەپتۇ فەررۇخ سۇۋار.[يەشمىسى:] ② قىلىقى ناچار، يامان مىجەزى بار:[مىسال:] ئۇ ئىنتايىن خۇيلۇق بىر خوتۇن ئىدىكى، ئارىدىن ئازراق گەپ تەگىشىش ئۆتسىلا، «ئاغرىپ قالدىم» دەپ، نەچچە كۈن، ھەتتا ھەپتىلەپ يېتىۋېلىپ، ئازاب سالاتتى.

خۇيلىماق

  • خۇيلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ئۆينىڭ چىرايلىق كۆرۈنۈشى ئۈچۈن، تورۇس قىسمىنى ھەر خىل قەغەز ياكى-پەنەركىلەر بىلەن بېزىمەك:[مىسال:] ئۆي خۇيلىماق. يىغىن زالىنىڭ تورۇسىنى خۇيلىماق.

خېجې

  • خېجې[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىگە ئولتۇراقلاشقان.

خېرىت

  • خېرىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ماتېرىيال:[مىسال:] مەن شەھەر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ ئاتامدىن رۇخسەت سورىغانىشنى ئارزۇ قىلىپ ئاتامدىن رۇخسەت سورىغانىدىم. ئاتام ماڭا 50 تاي مال ۋە باشقا كېرەكلىك خېرىتلارنى تەييارلاپ بەرگەنىدى.

خېرىدار

  • خېرىدار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسە سېتىۋالغۇچى كىشى؛ ئالارمەن:[مىسال:] خېرىدار چاقىرماق. خېرىدار تاپماق.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىراۋغا (ئادەتتە بىرەر قىز ياكى ئايالغا) كۆڭۈل قويغان كىشى، خۇشتار؛ لايىق:[مىسال:] خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك (ماقال).

خېرىدارسىز

  • خېرىدارسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېرىدارى يوق، خېرىدارى بولمىغان؛ خېرىدار چىقمىغان:[مىسال:] قولىدىكى شۇنچىۋالا نەق پۇلنىڭ خېرىدارسىز مالغا ئايلىنىپ، توپا بېسىپ يېتىشىنى ئويلىمىغان موللائاخۇن ئەمدى جىمىپلا كەتكەنىدى.

خېرىدارلىق

  • خېرىدارلىق[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېرىدارى بار، خېرىدارى كۆپ:[مىسال:] ئەختەر خېرىدارلىق قىز ئىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېرىدار بولۇش:[مىسال:] ئالمىچى كاززاپقا ئەمدى بولۇپ بەردى. بۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆز ئالمىسىغا قىلىۋاتقان خېرىدارلىقى ئۇنىڭغا ياغدەك ياقتى.

خېلى

  • خېلى[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ئانچە ئاز ئەمەس، يېتەرلىك دەرىجىدە، كۆپ:[مىسال:] خېلى ئۇزۇن. خېلى ياخشى.  ئالماس سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە جىم بولۇپ قالدى.

خېلى-خېلى

  • خېلى-خېلى[يەشمىسى:] ① ئادەتتىكىلەردىن ئۈستۈن، يۇقىرى تۇرىدىغان:[مىسال:] ئۇ بۇ سۆلىتى بىلەن ئالاھىڭڭ نەزىرىنى تارتالايمەن دەپ ھېسابلايتتى.[يەشمىسى:] ② كۆپ، نۇرغۇن:[مىسال:] ئۇ خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلماقچى بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالماي ھەسرەتلىنەتتى.

خېلىلا

  • خېلىلا[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] كەڭتاشا يەتكۈدەك، يېتىپ ئاشقۇدەك.

خېمىر

  • خېمىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئادەتتە ئۇنغا سۇ، سۈت ياكى ماي ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان يۇمشاق، ئۈزۈلۈشچان ئارىلاشما:[مىسال:] خېمىر قىلماق. خېمىر زوۋۇلىسى.

خېمىرتۇرۇچ

  • خېمىرتۇرۇچ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① خېمىرنى بولدۇرۇش، كۆپتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېچىتقۇ. [يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىش ئۈچۈن ئالدىن سېلىنغان مەبلەغ، ئىقتىساد ياكى ئىقتىسادىي ئاساس، ئۇل:[مىسال:] بۈگۈن تورپاق بىلەن ئىنەكنى ساتساق، بۇلتۇرقى موزىيى خېمىرتۇرۇچ بولۇپ تۇرۇپ تۇرسا قانداق بولار[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىلىم، سەۋىيە، مەلۇمات؛ ئۇماچ:[مىسال:] ئۇنىڭ قورسىقىدا خېلى خېمىرتۇرۇچى بار.

خېمىرتۇرۇچلۇق

  • خېمىرتۇرۇچلۇق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېمىرتۇرۇچ بولغۇدەك، خېمىرتۇرۇچقا يەتكۈدەك:[مىسال:] بىر خېمىرتۇرۇچلۇق ئۇن.

خېنە

  • خېنە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ①>بوتانىكا<[يەشمىسى:] خېنە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇرۇقى، يىلتىزى ۋە غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. غولى قاننى جانلاندۇرۇش ۋە راۋان قىلىش رولىغا؛ ئۇرۇقى يەلنى ھەيدەپ، تۇرۇپ قالغان قاننى ماڭدۇرۇش رولىغا؛ گۈلى قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيز ۋە سۈيدۈكنى راۋان قىلىش رولىغا ئىگە. قىزىل رەڭدىكى گۈل تاجى ياپراقچىسى ئادەتتە قول ۋە تىرناقنى بوياش، خېنە يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. [يەشمىسى:] ② شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىدىن ئېلىنغان ھەمدە تىرناقنى بوياش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بوياق.

خېنى

  • خېنى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بېدە-سامان سېلىقى.

خېنىگۈل

  • خېنىگۈل[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خېنە+گۈل[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] خېنىنىڭ بىر تۈرى. گۈل ئورنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، گۈلى قات-قات بولىدۇ.

خېنىلىك

  • خېنىلىك[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خېنىسى بار، خېنە قويۇلغان، خېنە يېقىلغان:[مىسال:] قىپقىزىل خېنىلىك بارماقلار، ئوينىدى پەدىنىڭ ئۈستىدە. ناخولدىن تىترەيدۇ نازۇك تار، نە بولدى يۈرەككە جىغغىدە.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خېنە تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن يەر، خېنە تېرىلغان ئېتىز.

خېنىم

  • خېنىم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① خاننىڭ خوتۇنى، خانىش:[مىسال:] خان بىلەن خېنىم يېقىن كەلگەن ئىشاننىڭ ئالدىغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاياللار ئىسمىغا قوشۇپ ئېيتىلىدۇ:[مىسال:] مانا بۇنى پاتىمە خېنىم ئەۋتىپتۇ.[يەشمىسى:] ③ كونا جەمئىيەتتە، يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنىڭ بىر خىل ئاتىلىشى: ئۇلار ئاجايىپ چىرايلىق كىيىنىدىغان خېنىملارئىكەن.

خېنىملىق

  • خېنىملىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خانىشلىق؛ خېنىم بولۇش:[مىسال:] خېنىملىققا يارايدىكەنسىز، دېدى ئۇ سوغۇققىنا كۈلۈپ قويۇپ.

خېنىن

  • خېنىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]لاتىنچە[[يەشمىسى:] بەزگەكنى ساقايتىش ئۈچۈن ئىچىلىدىغان دورا.

خېيىمخەتەر

  • خېيىمخەتەر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر بەخىتسىزلىككە، پالاكەتكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولغان شارائىت؛ خەتەرلىك ئەھۋال، مۈشكۈلات، خەۋپ:[مىسال:] ئۇ: ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا خېيىمخەتەر بولىدۇ، قۇربان بېرىش بولىدۇ، دېدى.

خىپچا

  • خىپچا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەتلەسنىڭ يىپىغا گىرە سالىدىغان ياغاچ. [يەشمىسى:] ② گىلەمنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى يىپلارغا باغلىنىدىغان ياغاچ.

خىتⅠ

  • خىتⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىملىق سۆز.[يەشمىسى:] ئېشەكنى ھەيدەش ئىماسى:[مىسال:] موللام «خىت، چۇھ» دەپ ئېشىكىنى دېۋىتكىنىچە ئالدىراش كېتىپ قالدى.

خىتⅡ

  • خىتⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] تاماقنى قېقىشتىن چىققان ئاۋاز.

خىتاب

  • خىتاب[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان بىرەر كۈچلۈك ھېس-تۇيغۇسىنى، ھاياجىنىنى ئىپادىلەيدىغان چاقىرىق، مۇراجىئەت:[مىسال:] خىتاب قىلماق.

خىتابنامە

  • خىتابنامە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەپ يېزىلغان مەكتۇپ، خەت؛ يازما چاقىرىق، مۇراجىئەتنامە.

خىت-خۇت

  • خىت-خۇت[يەشمىسى:] يىغلىغاندا دىماغدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] بىردەملىك مىشىلداش، خىت-خۇتتىن كېيىن، ماھىنۇر ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈردى.

خىتىن

  • خىتىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە، يەنى رەڭسىز، قاتتىق ھالەتتىكى ئامورف ماددا. تۈزۈلۈشى مۇستەھكەم بولۇپ، ئېلاستىكىلىققا ئىگە.

خىجالەت

  • خىجالەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① كىشى ئالدىدا ئۇيالغانلىقتىن، ئۆزىنى قۇلايسىز سېزىش، ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىش؛ ئۇيىلىش ھېس-تۇيغۇسى:[مىسال:] بارنىڭ خىجالىتىدىن يوقنىڭ خىجالىتى يامان (ماقال).[يەشمىسى:] ② قىيىنچىلىق، ئېھتىياج:[مىسال:] نېمە خىجالىتىڭ بار ئېيت، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن، دېدى ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ.

خىجالەتچىلىك

  • خىجالەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئوڭايسىزلىق، خىجىللىق:[مىسال:] ئۇ خىجالەتچىلىك ئىچىدە چىنە سۇنۇقى بىلەن چېچىلغان ئاشنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشتى.[يەشمىسى:] ② قىيىنچىلىق، موھتاجلىق:[مىسال:] مېنىڭ ئىقتىسادىي خىجالەتچىلىكتىن بېشىم قاتتى.

خىجالەتسىز

  • خىجالەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىجالىتى يوق؛ خىجالەت تارتماي، موھتاج بولماي:[مىسال:] خىجالەتسىز ئىش. ∥ سەپەر ئايالىنى خىجالەتسىزلا دەپنە قىلدى.

خىجالەتلىك

  • خىجالەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىجالىتى بار، خىجالەت تارتقان، خىجالەتمەن:[مىسال:] بىرھازا ئۆتۈپ كۆردۈم چولپاننى، ئۇپۇق لېۋىدە خىجالەتلىك يۈز.

خىجالەتمەن

  • خىجالەتمەن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] خىجالەتتە قالغان، خىجالەت بولغان، خىجالەتلىك:[مىسال:] ئۇ خىجالەتمەن قىياپەتتە گەپنىڭ راستىنى ئېيتتى.

خىجىل

  • خىجىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، مەسىلە تۈپەيلى، كىشى ئالدىدا مۈشكۈل، قىيىن ئەھۋالغا چۈشكەن، خىجالەتتە قالغان، ئىزا تارتقان:[مىسال:] خىجىل بولماق. خىجىل قىلماق.  مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ناھايىتى خىجىل.

خىجىلچىلىق

  • خىجىلچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] بىرەر ئىش، مەسىلە تۈپەيلى، كىشىلەر ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىش، خىجالەت تارتىش:[مىسال:] ئانا خىجىلچىلىقتا قانداق قىلىشىنى بىلمەي، قىزنىڭ يېنىغا كىردى.

خىجىللىق

  • خىجىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىجىل بولۇش، خىجالەتتە قېلىش:[مىسال:] ئەركىن ھەم خۇشاللىق، ھەم خىجىللىق ئەكس ئېتىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى.

خىدىر

  • خىدىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] چەك.

خىدىڭ

  • خىدىڭ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] بويۇنتۇرۇق؛ ياغاچ قۇشقۇن.

خىرⅠ

  • خىرⅠ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ئادەم دىمىغىدا كۈلگەندە، نەپەس ئالغاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] بوۋاي ئېغىر-ئېغىر نەپەس ئالدى ۋە قولىدىكى تاماكىسىنى ئارقا-ئارقىدىن تارتىپ بولغاندىن كېيىن، پاراڭچىلارنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ «خىر» قىلىپ كۈلدى.

خىرⅡ

  • خىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] خىجىل بولمايدىغان، ئىزا تارتمايدىغان، ئۇيالماس، قېلىن.

خىراج

  • خىراج[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] تارىخىي سۆز.[يەشمىسى:] كونا جەمئىيەتتە ھۆكۈمرانلار ۋە دىنىي تەبىقىدىكىلەرنىڭ دېھقانلاردىن ئالغان يەر بېجى، سېلىق. [يەشمىسى:] ② خىراجەت:[مىسال:] مېنىڭ بۇ سەپىرىمدىن مەقسەت، مەخسۇس ساۋساۋغا خىراج ئاپىرىپ بېرىش ئىدى.

خىراجەت

  • خىراجەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىرەر نەرسە ئۈچۈن قىلىنىدىغان سەرپ؛ چىقىم:[مىسال:] خىراجەت قىلماق.

خىراجەتسىز

  • خىراجەتسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىراجەت قىلمايدىغان، چىقىمسىز؛ ھەقسىز:[مىسال:] خىراجەتسىز تاماق. سەلىمە خىراجەتسىز ئوقۇدى.

خىراجەتلىك

  • خىراجەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] چىقىمى بار، چىقىملىق:[مىسال:] بۇ يىل سەل خىراجەتلىك بولۇپ قالدۇق.

خىرامان

  • خىرامان[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئالدىرمايدىغان، تەمكىن:[مىسال:] چۈشۈڭمۇ بۇزۇلغاندۇر، يۈرىكىڭمۇ تۇيغاندۇر، مەقسىتىڭ نېمە زادى باقمايسەن خىرامان قىز.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] غەم-ئەندىشە قىلماي، غەمسىز، بىغەم:[مىسال:] ئۇ ھەر خىل كىيىم-كېچەكلەرنى راسلىۋالغانىدى. گاھىدا ساقچى، گاھىدا يېزا قىزلىرى سىياقىدا ياسىنىپ، خىرامان يۈرەتتى.

خىرامانلىق

  • خىرامانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا ئالدىرىماسلىق، تەمكىنلىك. [يەشمىسى:] ② ھەر ئىشقا غەم-ئەندىشە قىلماسلىق، ئەنسىرىمەسلىك، غەمسىزلىك، بىغەملىك.

خىرە

  • خىرە[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دېگەندەك يورۇق، روشەن ئەمەس، تۇتۇق، خۇنۈك؛ كۈچسىز، سۇس:[مىسال:] گۈگۇم چۈشكەن چاغ، غەرب تەرەپتىكى تىك قىيالىقتىن ئەمدىلا كۆرۈنگەن كۈمۈش ئاي خىرە نۇرىنى چېچىشقا باشلىغانىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] خۇرسەن ئەمەس، كۆڭۈلسىز، غەش:[مىسال:] مۇھەممەت ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلى سەل خىرە بولغان ھالدا سالاملاشتى.

خىرە-شىرە

  • خىرە-شىرە[يەشمىسى:] ① ئانچە بەك روشەن بولمىغان؛ ئېنىق كۆرۈنمەيدىغان؛ ئوچۇق ئەمەس، تۇتۇق:[مىسال:] قىزنىڭ خىيال كەپتىرى ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ تۇمانلىرى ئىچىدە خىرە-شىرە كۆرۈنۈپ تۇرغان يىراقلارغا قاراپ ئۇچتى.[يەشمىسى:] ② تازا ئېنىق ئەمەس، بىلىنەر-بىلىنمەس:[مىسال:] بۇ سۆھبەتنى خىرە-شىرە ئاڭلاپ قالغان سادىق روزىنىڭ دىققىتى ئىختىيارسىز ھالدا پرىكازچىكقا بۇرالدى.

خىرەلەشتۈرمەك

  • خىرەلەشتۈرمەك[يەشمىسى:] «خىرەلەشمەك» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] ئارتۇقچە مەغرۇرلۇق ئادەمنىڭ باشقا پەزىلەتلىرىنى خىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ.

خىرەلەشمەك

  • خىرەلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① روشەنلىكنى يوقاتماق، خىرە ھالەتكە كەلمەك:[مىسال:] تولۇن ئايمۇ كىگىزدەك ئاق بۇلۇت كەينىگە شۇڭغۇپ، سۈتتەك ئايدىڭ سەل خىرەلەشتى.[يەشمىسى:] ② خۇرسەنلىكى يوقالماق، غەش بولماق:[مىسال:] قولاشمىغان سۆھبەتتىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلى خىرەلەشكەنىدى.

خىرەلىك

  • خىرەلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۇتۇقلۇق، خۇنۇكلۈك، سۇسلۇق:[مىسال:] ئۇ كۆزىنى يۇمغان بولسىمۇ، چەكسىز كەتكەن خىرەلىك ئىچىدە گۈزەل شەھلا كۆزنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى.

خىرپە

  • خىرپە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] «سېمىزئوت»قا قاراڭ.

خىرت

  • خىرت[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] يىغلاۋېتىپ بۇرنىنى تارتقاندا چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] خىرت قىلىپ بۇرنىنى تارتماق.

خىرت-خىرت

  • خىرت-خىرت[يەشمىسى:] «خىرت» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] خىرت-خىرت ئاۋاز چىقىرىپ يىغلىماق.

خىرتىلداتماق

  • خىرتىلداتماق[يەشمىسى:] «خىرتىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى:[مىسال:] مەن توغرا ئوينىدىمغۇ، مۇدىر، روزى بۇرنىنى خىرتىلدىتىپ تارتىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.

خىرتىلداشماق

  • خىرتىلداشماق[يەشمىسى:] «خىرتىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] بالىلار خىرتىلدىشىپ يىغلاشتى.

خىرتىلدىماق

  • خىرتىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خىرت-خىرت» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «خىرت-خىرت» قىلماق:[مىسال:] ئابىدەم ئەمدى ئۆزىنى تۇتالماي، خىرتىلداپ يىغلاپ كەتتى.

خىر-خىر

  • خىر-خىر[يەشمىسى:] «خىرⅠ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] بالا خىر-خىر كۈلدى.

خىردەك

  • خىردەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] كېكىردەك، بوغۇز.

خىرقىراتماق

  • خىرقىراتماق[يەشمىسى:] «خىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خىرقىراشماق

  • خىرقىراشماق[يەشمىسى:] «خىرقىرىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ھەممەيلەن خىرقىرىشىپ كۈلۈشۈپ، قوشۇلۇش ئىشارىسىغا باش لىڭشىتىشتى.

خىرقىراق

  • خىرقىراق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] سۆزلىگەندە خىر-خىر قىلىدىغان، خىرىلدايدىغان:[مىسال:] خىرقىراق ئاۋاز.

خىرقىرىماق

  • خىرقىرىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خىر-خىر» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئاچ ئىتقا ئاش بەرسەڭ، توق ئىت خىرقىرار (ماقال).

خىرورگ

  • خىرورگ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] خىروگىيە مۇتەخەسسىسى، ئوپېراتسىيە دوختۇرى، جەرراھ.

خىرورگىيە

  • خىرورگىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>تېبابەت<[يەشمىسى:] كېسەللىكنى ئوپېراتسىيە قىلىش يولى بىلەن داۋالاش؛ ئوپېراتسىيە ئىلمى.

خىرىس

  • خىرىس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] بىراۋغا قەستەن ياكى كۈچلۈك ئۆچلۈك بىلەن قىلىنغان ھەيۋە، چېقىلىش:[مىسال:] خىرىس قىلماق.

خىرىسلىق

  • خىرىسلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەيۋە قىلىش:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن گويا مېنى بىرلا يالماپ يۇتۇۋېتىدىغاندەك، بىر خىل خىرىسلىق يېغىپ تۇراتتى.

خىرىلداتماق

  • خىرىلداتماق[يەشمىسى:] «خىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خىرىلداشماق

  • خىرىلداشماق[يەشمىسى:] «خىرىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خىرىلداق

  • خىرىلداق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] «خىر-خىر» قىلىپ چىقىدىغان، خىرىلدايدىغان:[مىسال:] ئۇنىڭ ھاممىسى ئۆيمۇئۆي قاترىدى ۋە خىرىلداق ئاۋاز بىلەن مۇنۇ گەپلەرنى تەكرارلىدى.

خىرىلدىماق

  • خىرىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خىر-خىر» قىلىپ ئاۋاز چىقارماق، «خىر-خىر» قىلماق:[مىسال:] سورۇندىكىلەرمۇ شىڭ شىسەي بىلەن تەڭلا خىرىلداپ كۈلۈشتى.

خىزمەت

  • خىزمەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەقلىي ياكى جىسمانىي يول بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمگەك، ئىش:[مىسال:] مېنىڭ ئۆيۈمدىن ئىدارىغا بېرىشىم خىزمەت ئۈچۈن ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئىدارە، ئورگانلاردا بېجىرىلىدىغان ۋەزىپە:[مىسال:] قادىر مۇئەللىم بۇ يەرگە خىزمەتكە كەلگىلى ئىككى يىلدىن ئاشقانىدى.[يەشمىسى:] ③ ۋەزىپە، تاپشۇرۇق:[مىسال:] ئەي ئانا، دېدى ھاتەم ئىنىكئانىغا، ئەگەر باشقا خىزمەت بولمىسا، توي تەرەددۇتىنى قىلىپ، ئىشنى باشلىساق.[يەشمىسى:] ④ تۆھپە، نەتىجە:[مىسال:] ئۇ ۋەتەننى قوغداش يولىدا خىزمەت كۆرسەتتى.[يەشمىسى:] ⑤ تەربىيە، نەسىھەت:[مىسال:] ئىدارە رەھبەرلىكى يولدىن چىققان ياشلار ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى.

خىزمەتچى

  • خىزمەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① ئىدارە، كارخانا، مەكتەپ ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىكى مەمۇرىي ياكى كەسپىي ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىم، كادىر. [يەشمىسى:] ② خىزمەتكار:[مىسال:] ساراي خىزمەتچىسى. ئۆي خىزمەتچىسى.

خىزمەتچىلىك

  • خىزمەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] كادىرلىق، خىزمەتكارلىق:[مىسال:] بۇنىڭدىن كېيىن، سىز بىزنى خىزمەتچىلىككە ئېلىڭ

خىزمەتداش

  • خىزمەتداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] بىرگە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر (بىر-بىرىگە نىسبەتەن):[مىسال:] مېنىڭ بىر خىزمەتدىشىم بار ئىدى. ئۆزى بەكمۇ ۋىجدانلىق يىگىت ئىدى.

خىزمەتداشلىق

  • خىزمەتداشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىزمەتداشلاردا بولىدىغان، خىزمەتداشلاردا بولۇشقا تېگىشلىك:[مىسال:] خىزمەتداشلىق مۇناسىۋەت.

خىزمەتكار

  • خىزمەتكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بۇرۇنقى چاغلاردا، باي ياكى مەنسەپدارلارنىڭ شەخسىي خىزمىتىنى، ئۆي ئىشىنى قىلىدىغان كىشى؛ چاكار:[مىسال:] باينىڭ خىزمەتكارى.[يەشمىسى:] ② خەلق ياكى جەمئىيەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشى؛ خىزمەتچى.

خىزىر

  • خىزىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] ئىسلام دىنى رىۋايەتلىرىدىكى ھايات بۇلىقىدىن «تىرىكلىك سۈيى» ئىچكەن، مۇشۇ سەۋەبلىك مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغان، ئېغىر ئەھۋالدا قالغان كىشىلەرنىڭ مۈشكۈلاتىنى ئاسان قىلىدىغان، ئۇچراشقانلارغا بەخت ئاتا قىلىدىغان شەخس:[مىسال:] لەقەم قويۇش خىزىرنىڭ ئىشى (ماقال).

خىزىر يولۇققان

  • خىزىر يولۇققان[يەشمىسى:] ھەممە ئىشى ئوڭىدىن كېلىدىغان، ناھايىتى تەلەيلىك، تەلىيى بار:[مىسال:] خىزىر يولۇققان ئادەم. خىزىر يولۇققان بالا.

خىسلەت

  • خىسلەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئادەم ياكى نەرسىنىڭ مۇھىم ئىجابىي بەلگىسى، تەرىپى، سۈپىتى؛ خۇسۇسىيەت، پەزىلەت.[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] بىرەر يازغۇچىنىڭ تىل بايلىقىدىن، ئۇنىڭ ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشتىكى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇسۇل، ئۇسلۇبلىرى؛ پۇراق.

خىسلەتداش

  • خىسلەتداش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىسلەتلىرى ئۆزئارا يېقىنلىشىدىغان، ئوخشايدىغان كىشىلەر:[مىسال:] چۈنكى خىسلەتداش ساڭا ئەجدادلىرىم، سەن بىلەن قانداش ئۆسەر ئەۋلادلىرىم.

خىسلەتلىك

  • خىسلەتلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىسلىتى بار، خىسلەتكە ئىگە:[مىسال:] ياخشى خىسلەتلىك ئانا. خىسلەتلىك تاش.

خىش

  • خىش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] قۇرۇلۇش ماتېرىيالى. قېلىپ ئارقىلىق، سېغىز توپىدا ئېتىلگەن لايدىن قۇيۇلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئىككى خىل بولۇپ، خۇمداندا پىشۇرۇلغىنى «پىششىق خىش»؛ خۇمداندا پىشۇرۇلمىغىنى «خام خىش» دېيىلىدۇ. شەكلى ئاساسەن تىك تۆت تەرەپلىك شەكلىدە بولىدۇ؛ ئېھتىياجغا قاراپ ئۆلچىمىمۇ ھەر خىل بولىدۇ:[مىسال:] خىش قۇيماق. خىش بىلەن سېلىنغان ئۆي.

خىشچى

  • خىشچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىش قۇيىدىغان كىشى.

خىشچىلىق

  • خىشچىلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىش قۇيۇش، خىش پىشۇرۇش ئىشى، كەسپى:[مىسال:] خىشچىلىق بىلەن شۇغۇللانماق. خىشچىلىق قىلماق.

خىشلىق

  • خىشلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىشى بار، خىش بىلەن سېلىنغان، خىش بىلەن قوپۇرۇلغان، خىش ياتقۇزۇلغان:[مىسال:] ئۇ پىششىق خىشلىق پەلەمپەيدىن كۆتۈرۈلۈپ، پېشايۋان سۇپىسىغا چىقتى.

خىقوق

  • خىقوق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم. [قوللىنىلىش دائىسرىسى:] دىئالېكت.[يەشمىسى:] ھويلا-ئاراملارغا بېكىتىلىدىغان قوش قاناتلىق چوڭ ئىشىك؛ تاشقىرىقى ئىشىك، دەرۋازا.

خىڭ

  • خىڭ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] نارازىلىق، مەنسىتمەسلىكنى ئىپادىلەپ كۈلگەندە، دىمىغىدا گەپ قىلغاندا بۇرنىدىن چىقىدىغان ئاۋاز:[مىسال:] چاۋار باي ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن «خىڭ» قىلىپ قويدى.

خىڭ-خىڭ

  • خىڭ-خىڭ[يەشمىسى:] «خىڭ» سۆزىنىڭ تەكرارلىنىشى:[مىسال:] خىڭ-خىڭ قىلىپ كۈلمەك.

خىڭىلداتماق

  • خىڭىلداتماق[يەشمىسى:] «خىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خىڭىلداشماق

  • خىڭىلداشماق[يەشمىسى:] «خىڭىلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.

خىڭىلدىماق

  • خىڭىلدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] «خىڭ-خىڭ» قىلغان ئاۋاز چىقارماق، «خىڭ-خىڭ» قىلماق:[مىسال:] خىڭىلداپ گەپ قىلماق. خىڭىلداپ سۆزلىمەك.

خىل

  • خىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي بەلگىلىرى ئوخشاش بولغان تۈرى:[مىسال:] بىرنەچچە خىل مېۋە. ئىككى خىل دۇنيا قاراش.[يەشمىسى:] ② باب، لايىق، تەڭ كېلىدىغان؛ مۇۋاپىق:[مىسال:] خىل خىلىدا ياخشى، پىچاق قىنىدا (ماقال).[يەشمىسى:] ③ ھەر جەھەتتىن شەرتكە توشىدىغان، ئەڭ ياخشى، تاللانغان، ياراملىق، ئېسىل:[مىسال:] خىل قوشۇن.

خىلاپ

  • خىلاپ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] قارىمۇقارشى، زىت:[مىسال:] تۇرسۇن نىكاھ قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنى يېڭى نىكاھ قانۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلىدى.

خىلاپلىق

  • خىلاپلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىلاپ ئەھۋال، زىتلىق:[مىسال:] خىلاپلىق قىلماق.

خىللاتماق

  • خىللاتماق[يەشمىسى:] «خىللىماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.

خىللاشماق

  • خىللاشماق[يەشمىسى:] ① «خىللىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] خېرىدارلار ھارۋىدىكى قوغۇنلارنىڭ ياخشىلىرىنى خىللاشتى.[يەشمىسى:] ② خىل، ياخشى ھالەتكە كەلمەك؛ خىللانماق، تاللانماق:[مىسال:] ھازىر بىزنىڭ ئىدارىمىزنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى خىللاشتى، مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىدىكىلەر زور دەرىجىدە ئازايدى.

خىللانماق

  • خىللانماق[يەشمىسى:] «خىللىماق» پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى:[مىسال:] بىر كۈنى پادىشاھ ئاتلارنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ ۋە خىللانغان ئاتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ.

خىللىق

  • خىللىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] تۈرلۈكلۈك، لايىقلىق، مۇۋاپىقلىق:[مىسال:] يازما شېئىرىيەتتىكى شېئىر ۋەزىنلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى مۇقام نەغمىلىرىنىڭ، تاكتلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

خىللىماق

  • خىللىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەڭ ياخشىسىنى، خىلىنى ئالماق؛ تاللىماق، ئىلغىماق:[مىسال:] بۈگۈن سەن يېگەن ئالما ئەسلىدە شۇ قىزىمغا ئاتاپ خىللاپ ئۈزۈلگەنىدى.[يەشمىسى:] ② خىللارغا، تۈرلەرگە ئاجراتماق؛ تۈرگە بۆلمەك:[مىسال:] بالىلار بۇ ئارىلىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى خىللاپ، تۈر-تۈرى بويىچە ئايرىماقتا ئىدى.

خىلمۇخىل

  • خىلمۇخىل[يەشمىسى:] ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك، تۈرلۈك-تۈمەن:[مىسال:] دۇنيادا ھۈنەر-كەسىپ خىلمۇخىل بولغىنىدەك، ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ.

خىلمۇخىللىق

  • خىلمۇخىللىق[يەشمىسى:] ھەر خىللىق، تۈرلۈك-تۈمەنلىك.

خىلۇس

  • خىلۇس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئۈچەي بېغىشى لىمفا نەيچىلىرىدىكى سۇيۇقلۇقلار ئۇيقۇلۇق بېزى سۇيۇقلۇقى، ئۆت ۋە ئۈچەي سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ھاسىل بولغان سۈتسىمان سۇيۇقلۇق.

خىلۋەت

  • خىلۋەت[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] كۆپ كىشى بارمايدىغان؛ ئادەملەردىن، كۆزدىن يىراق؛ ھېچ كىم كۆرمەيدىغان، خالىي؛ چەت، ياقا (يەر-جاي-ھەققىدە):[مىسال:] خىلۋەت جاي. خىلۋەت ماكان.

خىلىت

  • خىلىت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>تىببىي ئىلىم<[يەشمىسى:] ئادەم بەدىنىدىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن جىگەردە ھاسىل بولغان مۇرەككەپ سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇلار سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت تۆت خىل بولىدۇ.

خىمىك

  • خىمىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[يەشمىسى:] خىمىيە مۇتەخەسسىسى، خىمىيە ئالىمى.

خىمىيە

  • خىمىيە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>ئەرەبچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ تەركىبى، تۈزۈلۈشى، خۇسۇسىيىتى، ئۆزگىرىشى ۋە شۇنىڭدەك بىر ماددىنىڭ باشقا بىر ماددىغا ئايلىنىشى قاتارلىق قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە ئۆگىتىدىغان پەن.

خىمىيىلىك

  • خىمىيىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① خىمىيە قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغان، خىمىيىگە ئائىت:[مىسال:] خىمىيىلىك تەڭلىمە. خىمىيىلىك رېئاكسىيە.[يەشمىسى:] ② خىمىيە پېنىگە ئاساسلانغان ياكى ئاساسلىنىپ ياسالغان، خىمىيىۋى:[مىسال:] خىمىيىلىك ئوغۇت. خىمىيىلىك قوراللار.

خىمىيىۋى

  • خىمىيىۋى[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① خىمىيىگە ئائىت، خىمىيىگە تېگىشلىك:[مىسال:] خىمىيىۋى ئانالىز. خىمىيىۋى رېئاكسىيە. خىمىيىۋى تەركىب.[يەشمىسى:] ② خىمىيە پېنىگە، ئىلمىگە ئاساسلانغان ياكى خىمىيە ئىلمىگە ئاساسلىنىپ ياسالغان:[مىسال:] خىمىيىۋى تالا. خىمىيىۋى قوراللار. خىمىيىۋى ئەينەك.

خىنولىن

  • خىنولىن[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە[[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C6H4(CH3)2N. رەڭسىز سۇيۇقلۇق. ئالاھىدە سېسىق پۇراققا ئىگە. دورا ۋە بوياق ئىشلەشتە پايدىلىنىلىدۇ.

خىيابان

  • خىيابان[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئىككى يېنىغا قاتار دەل-دەرەخ تىكىلگەن، يان ۋە ئۈستى گۈل-گىياھلار بىلەن پۈركەلگەن، كىشىلەر سەيلە-تاماشا قىلىدىغان كارىدور شەكىللىك ئورۇن، كىچىك يول:[مىسال:] دەل-دەرەخ ئۇسسۇلچى، كوچا خىيابان، قۇچىقىڭ مىڭ جەننەت تۈسىنى ئالغان.[يەشمىسى:] ② كەڭ، ئازادە يول:[مىسال:] دۆڭنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى يانباغىرنى بويلاپ ئىككى چاقىرىمچە سوزۇلغان، سۇلىرى كۆپكۆك، ئەتراپلىرى خىيابان، توغراق، يۇلغۇن-قومۇشلار بىلەن ئورالغان تەبىئىي كۆل يېيىلىپ ياتاتتى.

خىيابانلىق

  • خىيابانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىيابان جايلاشقان جاي:[مىسال:] سىمابتەك كۆل گويا باغۋەن، ئەزىز مېھمانغا تۇتقان جام، ھىدى خۇشبۇي خىيابانلىق، ھۇزۇرى جان ئارامى بۇ.

خىيال

  • خىيال[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئويلاش، پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانى؛ پىكىر، ئوي:[مىسال:] نازىرئاخۇننىڭ كۆڭلىدە مىرزىمەتكە نىسبەتەن يەنە باشقىچە خىيالمۇ بولغاچ، ئۇنى بالىچىلاپ بېقىۋالدى.[يەشمىسى:] ② بىرەر نەرسىنى ئەسكە چۈشۈرۈش، ئېسىدە، خاتىرىسىدە ساقلاش قابىلىيىتى؛ ئەس، كۆڭۈل:[مىسال:] تۇيۇقسىز ئۇنىڭ خىيالىغا نېمىدۇر كەلدى.[يەشمىسى:] ③ كىشى ياكى نەرسە ھەققىدىكى چۈشەنچە، تەسەۋۋۇر؛ نەزەر:[مىسال:] راھىلە ئۇنىڭ خىيالىدا، بۇ يۇرتتىكى قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلىمىش.[يەشمىسى:] ④ بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى ئوي، نىيەت؛ ئىستەك:[مىسال:] ئالماس شۇ خىيال بىلەن سۇپىدىن چۈشۈپ، ئاستا قەدەم بېسىپ، باغ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.[يەشمىسى:] ⑤ ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولغان، رېئال بولمىغان ئارزۇ، ئىستەك؛ فانتازىيە:[مىسال:] بۇ خىيال ئەمەس، ھەقىقەت.[يەشمىسى:] ⑥ دىققەت، نەزەر:[مىسال:] كەنت يولىدا ئاستا كېتىۋاتقان كەنت باشلىقىنىڭ خىيالى ھامان ھاشىم بوۋايدا ئىدى.

خىيالەن

  • خىيالەن[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[قوللىنىلىش دائىسرىسى:] يېزىق تىلى.[يەشمىسى:] خىيالىدا تەسەۋۋۇر قىلغان ھالدا، خىيال قىلغان ھالدا، خىيالدا، پىكرەن:[مىسال:] سادىق خىيالەن كېتىپ قالغان قىزنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاۋاتقاندا، يېنىدا ئولتۇرغان ساۋاقدىشى ئۇنى جەينىكى بىلەن نوقۇدى.

خىيالپەرەس

  • خىيالپەرەس[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان، خىيال سۈرۈشنى ئادەت قىلغان، خىيالغا بېرىلگەن، خىيالچان:[مىسال:] خىيالپەرەس ئادەم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئەمەلگە ئاشمايدىغان، خام خىيالنى تولا قىلىدىغان ئادەم:[مىسال:] بىز خىيالپەرەسلەردىن ئەمەسمىز، بىز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىي شارائىتتىن ئايرىلالمايمىز.

خىيالپەرسلىك

  • خىيالپەرسلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرۈش، خام خىيال قىلىش ئادىتى:[مىسال:] پەرىزات خىيالپەرەسلىكتىن خالاس بولغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى.

خىيالچان

  • خىيالچان[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] خىيالغا پاتقان، خىيالغا بېرىلگەن، خىيال سۈرىدىغان، ئويچان:[مىسال:] خىيالچان ئادەم.  نىجات خىيالچان ھالدا، پولاتنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپ باش لىڭشىتتى.

خىيالچانلىق

  • خىيالچانلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىيالغا بېرىلىش، خىيالنى كۆپ قىلىش ئادىتى؛ ئويچانلىق:[مىسال:] يىگىتنىڭ ساقچى ئەمەلدارىغا مۇشت ئېتىشى، ئەختەمبايغا ئېيتقان سۆزى، ئۆزىنىڭ تەمكىن، خىيالچانلىقى قىزنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى.

خىيالىي

  • خىيالىي[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، خىيالدا تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغان، ئەپسانىۋى:[مىسال:] ئۇ چاغدا مالچىلار كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش چۈشتەك بىر خىيالىي ئىش ئىدى.[يەشمىسى:] ② ئويلاپ چىقىرىلغان، ئويدۇرما؛ فانتازىيىلىك:[مىسال:] بىز ئىلمىي سوتسىيالىزمدىن خىيالىي سوتسىيالىزمغا چېكىنمەيمىز.

خىيالىيلىق

  • خىيالىيلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىيالىي قىلىنغان ھەرىكەت، قىلىق:[مىسال:] بۇ خىل ھۇزۇر ئۇنىڭ نەزىرىدە، بىر خىل خىيالىيلىق ۋە ئالىيجانابلىق خاراكتېرىنى ئالدى.

خىيانەت

  • خىيانەت[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ھوقۇقى، ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ھالدا تەشكىلنىڭ ئىقتىسادىغا، ئىقتىسادىي نەرسىلىرىگە ئىگە بولۇۋېلىش:[مىسال:] سۇلايماننىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاسسىرلىقىنى قىلغان بەش يىل ئىچىدىكى خىيانىتى 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنىكەن.[يەشمىسى:] ② ئىشەنچىنى، كۈتكەن ئارزۇسىنى يەردە قويۇش؛ ئەھدىنى بۇزۇش، ئاينىش:[مىسال:] -توۋا، چەرپىن، سېنىڭ بۇ ئىشىڭ سۇپتاي ئۈچۈن خىيانەت ئەمەسمۇ-دېدى ئۇ.[يەشمىسى:] ③ خائىنلىق، ۋاپاسىزلىق، يۈز ئۆرۈش:[مىسال:] قىز بىرلا سىلكىپ ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپتۇ دە، بىر قەدەم نېرى قېچىپ، خەلپىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ:[مىسال:] ھەي، قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا خىيانەت قىلىۋاتىسەن، قېرى دەللە دەپ ۋارقىراپتۇ.

خىيانەتچى

  • خىيانەتچى[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىيانەت قىلغان كىشى؛ خىيانەتكار:[مىسال:] خىيانەتچىنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بەرگەندىلا، «پاك بولۇش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

خىيانەتچىلىك

  • خىيانەتچىلىك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىيانەت قىلىش ئىشى، ھەرىكىتى، خىيانەتكارلىق:[مىسال:] بۈگۈن، بىز يېقىندىلا سوتلاپ بىر تەرەپ قىلغان خىيانەتچىلىك ئەنزىسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ئەنزىنى مۇھاكىمە قىلىمىز، دېدى ئۇلار.

خىيانەتكار

  • خىيانەتكار[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] «خىيانەتچى»گە قاراڭ:[مىسال:] خەلىپە ھارۇن رەشىد تېخىمۇ غەزەپلىنىپ: ئەي خىيانەتكار مەن سېنى ئۆزۈمگە يېقىن قىلىشقا ھەرىكەت قىلسام، سەن ھوشۇڭنى يوقىتىپ، مېنى ئۆزۈڭدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىسەن

خىيانەتكارانە

  • خىيانەتكارانە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە+پارىسچە[[يەشمىسى:] خىيانەتچىلەرگە خاس؛ خىيانەتكارلارچە:[مىسال:] خىيانەتكارانە ئىش قىلماق. خىيانەتكارانە ھۇجۇم.

خىيانەتكارلىق

  • خىيانەتكارلىق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] خىيانەت قىلىش ئىشى، ھەرىكىتى، خىيانەتچىلىك:[مىسال:] ھاكىم ئالاۋىدىن ئەبۇ ئەششەماتقا: خوجام، ئەپۇ قىلىڭ سىز ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشى سىز، ئىشەنچىلىك كىشىنى خىيانەتكارلىق، ئوغرىلىقتا ئەيىبلەشتىن خۇدا ساقلىسۇن دېگەنىكەن.